خۇدا ھەممىدىن بۇرۇن پۈتۈن ئالەمنى ياراتتى. ئۇ چاغدا يەر شارى شەكىلسىز ۋە قۇپقۇرۇق ھالەتتە بولۇپ، سۇلارنى قاراڭغۇلۇق قاپلىغانىدى. خۇدانىڭ روھى سۇ ئۈستىدە لەرزان پەرۋاز قىلىپ يۈرەتتى. خۇدا: «يورۇقلۇق بولسۇن!» دېگەنىدى، يورۇقلۇق پەيدا بولدى. ئاندىن، خۇدا: «سۇلارنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن ئىككىگە ئايرىلىپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر پاسىل بولسۇن!» دەپ ئەمر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، بىر پاسىل پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭ ئاستىدىكى سۇلارنى ئۈستىدىكى سۇلاردىن ئايرىدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى. خۇدا بۇ پاسىلنى «ئاسمان» دەپ ئاتىدى. كېچە-كۈندۈز ئۆتۈپ، بۇ ئىككىنچى كۈن بولدى. ئاندىن، خۇدا: «ئاسماننىڭ ئاستىدىكى سۇلار بىر يەرگە يىغىلسۇن ۋە قۇرۇق تۇپراق كۆرۈنسۇن!» دېدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى. خۇدا قۇرۇق تۇپراقنى «يەر»، يىغىلغان سۇلارنى بولسا «دېڭىز» دەپ ئاتىدى. خۇدا بۇلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى. ئاندىن، خۇدا يەنە: «يەردە ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەر؛ ئۇرۇقلۇق ۋە مېۋىلىك بولۇپ، ئۆز تۈرلىرى بويىچە ئۈنۈپ چىقسۇن!» دېدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى. شۇنىڭ بىلەن، يەر يۈزىدە ھەر خىل ئۇرۇقلۇق ۋە مېۋىلىك ئۆسۈملۈكلەر ئۆز تۈرلىرى بويىچە ئۈنۈپ چىقتى. خۇدا بۇلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى. كېچە-كۈندۈز ئۆتۈپ، بۇ ئۈچىنچى كۈن بولدى. خۇدا يەنە: «ئاسماندا يورۇقلۇق بېرىدىغان جىسىملار بولسۇن. ئۇلار كېچە بىلەن كۈندۈزنى پەرقلەندۈرۈپ، كۈن، پەسىل ۋە يىللارنى ئايرىپ تۇرۇشتا بەلگە بولسۇن. بۇ جىسىملار نۇر چېچىپ، يەر يۈزىنى يورۇتۇپ تۇرسۇن!» دەپ ئەمر قىلدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى. خۇدا يورۇقلۇق بېرىدىغان ئىككى چوڭ جىسىمنى ياراتتى، قۇياشنى كۈندۈزنى باشقۇرىدىغان، ئاينى كېچىنى باشقۇرىدىغان قىلدى. ھەمدە خۇدا يەنە يۇلتۇزلارنىمۇ ياراتتى. كېچە-كۈندۈز ئۆتۈپ، بۇ تۆتىنچى كۈن بولدى. خۇدا يەنە: «سۇ ھەر خىل جانلىقلار بىلەن تولسۇن، ئاسماندا ھەر خىل ئۇچارقاناتلار ئۇچسۇن!» دەپ ئەمر قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، خۇدا سۇدا ياشايدىغان ئاجايىپ-غارايىپ جانلىقلارنى، ھەر خىل چوڭ-كىچىك بېلىقلارنى ۋە ئاسماندىكى ھەر خىل ئۇچارقاناتلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ياراتتى. خۇدا بۇ جانلىقلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى. خۇدا بۇ جانلىقلارغا بەخت ئاتا قىلىپ: «سۇدا ياشىغۇچى جانلىقلار كۆپىيىپ، دېڭىز-ئوكيانلارنى تولدۇرسۇن، ئۇچارقاناتلار يەر يۈزىدە ئۇلغايسۇن!» دېدى. كېچە-كۈندۈز ئۆتۈپ، بۇ بەشىنچى كۈن بولدى. خۇدا يەنە: «يەر يۈزىدە ھەر خىل جانىۋارلار - ئۆي ھايۋانلىرى ۋە چوڭ-كىچىك ياۋايى ھايۋاناتلار پەيدا بولسۇن!» دېدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى. شۇنىڭ بىلەن، خۇدا يەر يۈزىدە ھەر خىل جانىۋارلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ياراتتى ۋە ئۇلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى. ئاندىن، خۇدا: «بىزنىڭ ئوبرازىمىزدەك، يەنى روھىي جەھەتتىن بىزگە ئوخشايدىغان ئىنسانلارنى يارىتايلى. ئۇلار ھەر خىل جانىۋارلارنى - دېڭىز-ئوكياندىكى بېلىقلار، ئاسماندىكى ئۇچارقاناتلار، بارلىق ئۆي ھايۋانلىرى ۋە چوڭ-كىچىك ياۋايى ھايۋاناتلارنى باشقۇرىدىغان بولسۇن!» دەپ ئەمر قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، خۇدا ئىنساننى ئۆز ئوبرازىدەك ياراتتى، ئۇنى ئۆزىگە ئوخشايدىغان قىلىپ ياراتتى، شۇنداقلا ئۇلارنى ئەر ۋە ئايال قىلىپ ياراتتى. خۇدا ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلىپ مۇنداق دېدى: - پەرزەنت كۆرۈپ كۆپىيىڭلار، يەر يۈزىنى قاپلاپ، دۇنيانى بويسۇندۇرۇڭلار. شۇنداقلا، دېڭىز-ئوكياندىكى بېلىقلار، ئاسماندىكى ئۇچارقاناتلار، شۇنىڭدەك پۈتۈن جانىۋارلارنى باشقۇرۇڭلار. مەن سىلەرگە پۈتۈن يەر يۈزىدىكى ھەر خىل زىرائەت ۋە مېۋىلەرنى ئوزۇقلۇق قىلىپ بەردىم. بارلىق چوڭ-كىچىك ھايۋاناتلار ۋە ئۇچارقاناتلار قاتارلىق ھەر خىل مەخلۇقلارغا بولسا ئوت-چۆپ ۋە كۆكتاتلارنى ئوزۇقلۇق قىلىپ بەردىم. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى. خۇدا ياراتقانلىرىنىڭ ھەممىسىگە قاراپ، ئۇلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى. كېچە-كۈندۈز ئۆتۈپ، بۇ ئالتىنچى كۈن بولدى. شۇنداق قىلىپ، ئالەم پۈتكۈل مەۋجۇداتلىرى بىلەن يارىتىلىپ بولدى. يەتتىنچى كۈنى كەلگەندە، خۇدا يارىتىش ئىشىنى تاماملاپ بولغان بولۇپ، ئۇ كۈنى ئارام ئالدى. ئۇ يەتتىنچى كۈننى بەختلىك كۈن قىلىپ، ئۇنى «مۇقەددەس كۈن» دەپ جاكارلىدى، چۈنكى بۇ كۈن خۇدا يارىتىشنى تاماملاپ ئارام ئالغان كۈن ئىدى. ئەمما، يەردىن سۇ چىقىپ، پۈتۈن زېمىننى سۇغاردى. ئاندىن، پەرۋەردىگار خۇدا يەرنىڭ توپىسىدىن ئادەم~ئاتىنى ياسىدى ۋە ئۇنىڭ بۇرنىدىن ھاياتلىق نەپىسىنى پۈۋلىدى. بۇنىڭ بىلەن، ئادەم~ئاتىغا ھاياتلىق بېرىلدى. پەرۋەردىگار خۇدا شەرقتىكى ئېرەم دېگەن جايدا بىر باغ بەرپا قىلىپ، ئۆزى ياراتقان ئادەمنى ئۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇردى. پەرۋەردىگار خۇدا ئۇ يەردە يەنە مېۋىلىرى شېرىن ۋە چىرايلىق ھەر خىل دەرەخلەرنى ئۆستۈردى. باغنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئالاھىدە ئىككى تۈپ دەرەخ بار ئىدى. بىرى «ھاياتلىق بېرىدىغان دەرەخ» بولۇپ، يەنە بىرى «ياخشى بىلەن ياماننى بىلدۈرىدىغان دەرەخ» ئىدى. ئېرەم دېگەن يەردىن بىر دەريا ئېقىپ كېلىپ، باغنى سۇغىراتتى. باغدىن چىققان سۇ تۆتكە بۆلۈنەتتى. بىرىنچىسى پىشون دەرياسى بولۇپ، ئالتۇن چىقىدىغان ھاۋىلاھ دېگەن يەرنى ئايلىنىپ ئۆتىدۇ. ئۇ يەرنىڭ ئالتۇنى ساپ. ئۇ يەردىن يەنە كەم ئۇچرايدىغان خۇش پۇراقلىق دېۋىرقاي ۋە يوللۇق ھېقىق چىقىدۇ. ئىككىنچىسى گىھون دەرياسى بولۇپ، كۇش دېگەن يەرنى ئايلىنىپ ئۆتىدۇ. ئۈچىنچىسى دىجلە دەرياسى بولۇپ، ئاسسۇرنىڭ شەرقىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ. تۆتىنچىسى فىرات دەرياسىدۇر. پەرۋەردىگار خۇدا ئادەم~ئاتىنى ئېرەم باغقا ئىشلەپ ئۇنى پەرۋىش قىلسۇن، دەپ ئۇ يەرگە قويغانىدى. پەرۋەردىگار خۇدا ئادەم~ئاتىغا ئەمر قىلىپ: - باغدىكى مېۋىلەرنى خالىغىنىڭچە يە. ئەمما، «ياخشى بىلەن ياماننى بىلدۈرىدىغان دەرەخ»~نىڭ مېۋىسىنى ھەرگىز يېمە. چۈنكى، ئۇنى يېسەڭ، چوقۇم ئۆلىسەن! - دېدى. كېيىن، پەرۋەردىگار خۇدا: «ئادەمنىڭ يالغۇز ياشىشى ياخشى ئەمەس، ئۇنىڭغا لايىق بولغۇدەك بىر ياردەمچى ھەمراھ يارىتاي» دېدى. بۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگار خۇدا يەردىكى توپىدىن ياراتقان ھەر خىل ھايۋانات ۋە ئۇچارقاناتلارنى ئادەم~ئاتىنىڭ ئالدىغا ئۇلارغا ئىسىم قويسۇن، دەپ كەلتۈردى. ئادەم~ئاتا ئۇلارغا قانداق ئىسىم قويسا، شۇنداق ئاتىلىپ كەلدى. ئادەم~ئاتا بارلىق ئۇچارقانات ۋە ھايۋانلارغا ئىسىم قويدى. ۋەھالەنكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزىگە لايىق بولغۇدەك بىرەر ياردەمچى ھەمراھ يوق ئىدى. شۇڭا، پەرۋەردىگار خۇدا ئادەم~ئاتىنى قاتتىق ئۇخلىتىۋەتتى. ئۇ ئۇخلاۋاتقاندا، خۇدا ئۇنىڭ بىر تال قوۋۇرغىسىنى ئېلىپ، ئۇ يەرنى ئۇنىڭ گۆشى بىلەن ئېتىپ قويدى. پەرۋەردىگار خۇدا ئالغان قوۋۇرغا سۆڭىكىدىن بىر ئايال ياساپ، ئۇنى ئادەم~ئاتىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئادەم~ئاتا خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: - مانا ئەمدى سۆڭىكى مېنىڭ سۆڭىكىمدىن، گۆشى مېنىڭ گۆشۈمدىن ئېلىنغان، ماڭا ئوخشاش خىلدىكى بىرى بولدى! ئۇ «ئايال» دەپ ئاتالسۇن، چۈنكى ئۇ ئەردىن ئېلىنغان. بىر ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئايالى بىلەن بىرلىشىپ بىر تەن بولۇشى ئەنە شۇ سەۋەبتىندۇر. ئۇ چاغدا، ئادەم~ئاتا بىلەن ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ھەر ئىككىلىسى يالىڭاچ بولۇپ، نومۇس قىلىشمايتتى. يىلان پەرۋەردىگار خۇدا ياراتقان ھايۋانلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ھىيلىگىرى ئىدى. ئۇ ئايالدىن: - خۇدا باغدىكى ھەرقانداق دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېيىشىڭلارنى راستتىنلا مەنئى قىلدىمۇ؟ - دەپ سورىدى. ئايال: - باغدىكى دەرەخلەرنىڭ مېۋىلىرىنى يېسەك بولىدۇ. پەقەت باغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېسەك بولمايدۇ. خۇدا بىزنىڭ بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېيىشىمىزنى، ھەتتا ئۇنىڭغا قول تەگكۈزۈشىمىزنىمۇ مەنئى قىلدى. ئەگەر بۇ ئىشنى قىلساق، ئۆلىمىز، - دەپ جاۋاب بەردى. يىلان ئايالغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: - يالغان! ھەرگىز ئۆلمەيسىلەر! خۇدا سىلەرنىڭ ئۇنى يېسەڭلار، كۆزۈڭلارنىڭ ئېچىلىپ، ئۆزىگە ئوخشاش ياخشى بىلەن ياماننى بىلىدىغان بولۇپ قالىدىغانلىقىڭلارنى بىلىدۇ. ئايال بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنىڭ چىرايلىق ۋە شېرىن ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى يېسە قانچىلىك ئەقىللىق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ، مېۋىدىن ئۈزۈپ يېدى ۋە ئۇنى يېنىدا تۇرغان ئېرىگىمۇ بەردى. ئۇمۇ يېدى. ئۇلار مېۋىنى يېيىشى بىلەنلا كۆزلىرى ئېچىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ يالىڭاچلىقىنى بىلىپ نومۇس قىلىشتى. شۇڭا، ئۇلار ئەنجۈر يوپۇرماقلىرىنى بىر-بىرىگە چېتىپ، بەدەنلىرىنى يېپىۋېلىشتى. شۇ كۈننىڭ سالقىن چۈشكەن ۋاقتىدا، ئۇلار پەرۋەردىگار خۇدانىڭ باغدا مېڭىپ يۈرگەن شەپىسىنى ئاڭلاپ، دەرەخزارلىقنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنۇۋېلىشتى. لېكىن، پەرۋەردىگار خۇدا ئادەم~ئاتىغا: - سەن قەيەردە؟ - دەپ ۋارقىرىدى. ئادەم~ئاتا: - مەن سېنىڭ باغدا مېڭىپ يۈرگەنلىكىڭنى ئاڭلاپ، يالىڭاچلىقىمدىن نومۇس قىلىپ، سەندىن قورقۇپ يوشۇرۇنۇۋالدىم، - دەپ جاۋاب بەردى. خۇدا ئۇنىڭدىن: - يالىڭاچلىقىڭنى ساڭا كىم ئېيتتى؟ ياكى مەن يېمە، دېگەن مېۋىنى يېدىڭمۇ؟ - دەپ سورىدى. ئادەم~ئاتا: - سەن ماڭا ھەمراھ بولسۇن، دەپ بەرگەن ئايال ئۇ مېۋىدىن ماڭا بەرگەنىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن يېدىم، - دەپ جاۋاب بەردى. پەرۋەردىگار خۇدا ئايالدىن: - نېمە ئۈچۈن مۇنداق قىلدىڭ؟ - دەپ سورىدى. - مېنى يىلان ئازدۇردى، شۇڭا يېدىم، - دەپ جاۋاب بەردى ئايال. شۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگار خۇدا يىلانغا: - بۇ قىلمىشىڭ ئۈچۈن جازاغا تارتىلىسەن! بارلىق ھايۋاناتلار ئىچىدە پەقەت سەنلا مۇنۇ لەنەتلەرگە قالىسەن: «ھازىردىن باشلاپ، يەر بېغىرلاپ مېڭىپ، ئۆمۈرۋايەت توپا يەيسەن. سېنى ئايال بىلەن دۈشمەن قىلىمەن. ئۇنىڭ ئەۋلادى بىلەن سېنىڭ ئەۋلادىڭمۇ دۈشمەنلىشىپ ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ ئەۋلادى سېنىڭ بېشىڭنى يانجىيدۇ، سەن ئۇنىڭ تاپىنىنى چاقىسەن» دېدى. كېيىن، پەرۋەردىگار خۇدا ئايالغا: - ھامىلىدارلىقىڭنىڭ ئازابىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىمەن. تۇغۇتۇڭنىڭ تولغىقىنىمۇ زىيادە قىلىمەن. شۇنداقتىمۇ، ئېرىڭگە كۈچلۈك ئىشتىياق باغلايسەن، ئۇ سېنى باشقۇرىدۇ، - دېدى. پەرۋەردىگار خۇدا ئادەم~ئاتىغا: - ئايالىڭنىڭ سۆزىگە كىرىپ، مەن يېيىشنى مەنئى قىلغان مېۋىنى يېگەنلىكىڭ تۈپەيلىدىن، يەرمۇ لەنىتىمگە ئۇچرىدى. سەن ئەمدى ئۆمۈرۋايەت جاپالىق ئىشلەش بىلەنلا ئوزۇقلىنىسەن. يەردىن تىكەن ۋە قامغاق ئۈنىدۇ، سەن بولساڭ يەردىكى زىرائەتلەرنى يەيسەن. باش-كۆزۈڭ تەرگە چۆمگەندىلا تويغۇدەك بىرنەرسە يېيەلەيسەن، تاكى ئۆلۈپ توپىغا ئايلىنىپ كەتكۈچە ئىشتىن باش كۆتۈرەلمەيسەن. توپىدىن يارىتىلدىڭ، شۇڭا يەنە توپىغا قايتىسەن! - دېدى. ئادەم~ئاتا ئايالىغا ھاۋا [ئىبرانىي تىلىدىكى «ھاياتلىق» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دېگەن ئىسىمنى قويدى، چۈنكى ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئانىسى ئىدى. پەرۋەردىگار خۇدا ئادەم~ئاتا بىلەن ئۇنىڭ ئايالىغا ھايۋاننىڭ تېرىسىدىن كىيىم قىلىپ، كىيدۈرۈپ قويدى. ئاندىن، پەرۋەردىگار خۇدا مۇنداق دېدى: - ئادەم~ئاتا بىزگە ئوخشاش ياخشى بىلەن ياماننى بىلىدىغان بولۇپ قالدى. ئەمدى ئۇنىڭ «ھاياتلىق بېرىدىغان دەرەخ»~نىڭ مېۋىسىنى يەپ قويۇشىدىن ساقلىنىشىمىز كېرەك. بولمىسا، ئۇ مەڭگۈ ياشايدۇ! شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدا ئۇلارنى ئېرەم باغدىن قوغلاپ چىقىرىپ، يەرگە، يەنى ئۆزلىرى ئەسلى يارىتىلغان تۇپراققا ئىشلەيدىغان قىلىپ قويدى. ئاندىن، خۇدا ئادەم~ئاتىنى ھاياتلىق بېرىدىغان دەرەخكە يېقىنلاشمىسۇن دەپ، ئېرەم باغنىڭ شەرق تەرىپىگە «كېرۇب» دەپ ئاتىلىدىغان مەخلۇقلارنى ۋە بىسى ئوت چېچىپ، ئۇ يان بۇ يان قوزغىلىپ يالتىراپ تۇرىدىغان بىر قىلىچنى ئورۇنلاشتۇردى. ئادەم~ئاتا ئايالى ھاۋا~ئانا بىلەن بىللە بولدى. ھاۋا~ئانا ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇ: «پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمى بىلەن بىر ئوغۇلغا ئىگە بولدۇم» دېدى ۋە ئىسمىنى قابىل [ئىبرانىي تىلىدىكى «ئىگە بولدۇم» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] قويدى. كېيىن، ئۇ يەنە بىر ئوغۇل تۇغۇپ، ئىسمىنى ھابىل قويدى. ئىككىيلەن چوڭ بولغاندىن كېيىن، ھابىل پادىچى بولدى، قابىل بولسا دېھقان بولدى. ھوسۇل مەزگىلى كەلگەندە، قابىل يەرنىڭ مەھسۇلاتىدىن ئېلىپ پەرۋەردىگارغا تەقدىم قىلدى. ھابىلمۇ قوي پادىسى ئىچىدىن تۇنجى تۇغۇلغان قوزىلاردىن سويۇپ، تازا سېمىز يېرىدىن پەرۋەردىگارغا تەقدىم قىلدى. پەرۋەردىگار ھابىلنى ۋە ئۇنىڭ سوۋغىتىنى قوبۇل قىلدى. بىراق، قابىلنى ۋە ئۇنىڭ سوۋغىتىنى قوبۇل قىلمىدى. بۇنىڭدىن ئىنتايىن خاپا بولغان قابىلنىڭ چىرايى تۇتۇلۇپ كەتتى. شۇ چاغدا، پەرۋەردىگار قابىلغا: - نېمىشقا خاپا بولىسەن؟ چىرايىڭ نېمىشقا تۇتۇلۇپ كەتتى؟ ئەگەر دۇرۇس ئىش قىلغان بولساڭ، سېنىمۇ قوبۇل قىلغان بولاتتىم! بىراق، يامانلىق قىلساڭ، گۇناھ خۇددى ئىشىك ئالدىدا ئېتىلماقچى بولۇپ تۇرغان ياۋا ئىتقا ئوخشاش، سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭنى چىرمىۋالىدۇ. ئۇ سېنى ئۆز ئىلكىگە ئالماقچى بولسىمۇ، لېكىن سەن ئۇنى يېڭىشىڭ لازىم! - دېدى. كېيىن، قابىل ئىنىسى ھابىلغا: - يۈر، دالادا سەيلە قىلىپ كېلەيلى! - دېدى. ئۇلار دالادىكى ۋاقتىدا، قابىل ئىنىسىغا قول سېلىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. پەرۋەردىگار قابىلدىن: - ئىنىڭ ھابىل قېنى؟ - دەپ سورىدى. - بىلمەيمەن، مەن ئىنىمنىڭ باققۇچىسىمىدىم؟ - دەپ جاۋاب بەردى ئۇ. پەرۋەردىگار كەينىدىنلا ئۇنى: - بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ ئىنىڭنىڭ ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن داد-پەرياد قىلىۋاتقان قېنى ماڭا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. سەن ئەمدى لەنەتكە ئۇچرايسەن. بۇنىڭدىن كېيىن، بۇ يەردە تۇرالمايسەن! چۈنكى، سەن ئىنىڭنى ئۆلتۈردۈڭ، يەرگە قان تۆكتۈڭ. سەن يەرگە ئىشلىگەن تەقدىردىمۇ، يەر ساڭا ھوسۇل بەرمەيدۇ. سەن ئەمدى سەرسان بولۇپ، يەر يۈزىدە سەرگەردانلىقتا يۈرىسەن، - دەپ ئەيىبلىدى. بۇنى ئاڭلىغان قابىل پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى: - مەن بۇنداق ئېغىر جازانى كۆتۈرەلمەيمەن. سەن مېنى بۇ يەردىن قوغلاپ، ھۇزۇرۇڭدىن ھەيدەۋاتىسەن! مەن ئەمدى ئۆي-ماكانسىز، سەرسان بولۇپ، يەر يۈزىدە سەرگەردانلىقتا يۈرىمەن. مېنى كۆرگەنلا كىشى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ! لېكىن، پەرۋەردىگار: - ياق، سېنى ئۆلتۈرگەن كىشى يەتتە ھەسسە قاتتىق جازالىنىدۇ، - دېدى. شۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگار قابىلنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ پېشانىسىگە ئالاھىدە بەلگە قويۇپ قويدى. بۇنىڭ بىلەن، قابىل پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىپ، ئېرەم باغنىڭ شەرق تەرىپىدىكى نود دېگەن جايدا ئولتۇراقلىشىپ قالدى. قابىل ئايالى بىلەن بىللە بولدى. ئايالى ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇنىڭ ئىسمىنى ھانۇخ قويدى. قابىل بىر شەھەر بىنا قىلىپ، شەھەرنى ئوغلىنىڭ ئىسمىدا ئاتىدى. ھانۇختىن ئىراد تۆرەلدى، ئىرادتىن مېھۇيائىل تۆرەلدى، مېھۇيائىلدىن مېتۇشائىل تۆرەلدى، مېتۇشائىلدىن لامىك تۆرەلدى. لامىك ئىككى خوتۇن ئالدى. بىرىنىڭ ئىسمى ئادە، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى زىللە ئىدى. ئادە يابالنى تۇغدى. يابال كۆچمەن مالچىلارنىڭ بوۋىسى بولدى. ئۇنىڭ ئىنىسىنىڭ ئىسمى يۇبال ئىدى. يۇبال چىلتار ۋە نەي چالغۇچىلارنىڭ پىرى بولدى. زىللە تۇبال-قايىن دېگەن بىر ئوغۇلنى تۇغدى. تۇبال-قايىن تۇچ، تۆمۈر جابدۇقلارنى ياسىغۇچىلارنىڭ پىرى بولدى. تۇبال-قايىننىڭ نەئىمە ئىسىملىك بىر سىڭلىسى بار ئىدى. لامىك ئىككى ئايالىغا پو ئېتىپ، مۇنداق دېدى: «ئەي ئادە بىلەن زىللە، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئەي ئاياللىرىم، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار! ماڭا چېقىلغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈردۈم. مېنى ئۇرغان بىر ياشنى ئۆلتۈردۈم. قابىلنى ئۆلتۈرگۈچى يەتتە ھەسسە جازالانسا، مېنى ئۆلتۈرگۈچى يەتمىش يەتتە ھەسسە جازالىنىدۇ.» ئادەم~ئاتا يەنە ئۆز ئايالى بىلەن بىللە بولۇش نەتىجىسىدە، ئايالى بىر ئوغۇل تۇغدى. ھاۋا~ئانا: «خۇدا ماڭا قابىل ئۆلتۈرۈۋەتكەن ھابىلنىڭ ئورنىغا بىر ئوغۇل بەردى» دېدى. شۇڭا، ئۇ ئىسمىنى سېت [ئاھاڭ جەھەتتە «خۇدا بەردى»] قويدى. سېتتىن بىر ئوغۇل تۇغۇلۇپ، ئىسمى ئېنوش قويۇلدى. مانا شۇ چاغدىن باشلاپ، ئادەملەر پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشقا باشلىدى. تۆۋەندىكىلەر ئادەم~ئاتىنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر: خۇدا ئادەمنى ئۆزىگە ئوخشايدىغان قىلىپ ياراتتى. ئۇلارنى ئەر ۋە ئايال قىلىپ ئايرىپ، ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلدى ھەمدە ئۇلارنى «ئادەم» دەپ ئاتىدى. ئادەم~ئاتا 130 يېشىدا ئۆزىگە ئوخشايدىغان يەنە بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى سېت قويدى. ئادەم~ئاتا سېتنى تاپقاندىن كېيىن، يەنە 800 يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە كۆپ ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. ئۇ 930 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. سېت 105 يېشىدا بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى ئېنوش قويدى. كېيىن، ئۇ يەنە 807 يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. ئۇ 912 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئېنوش 90 يېشىدا بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى قېنان قويدى. كېيىن، ئۇ يەنە 815 يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. ئۇ 905 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. قېنان 70 يېشىدا بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى ماھالالىل قويدى. كېيىن، ئۇ يەنە 840 يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. ئۇ 910 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ماھالالىل 65 يېشىدا بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى يارېت قويدى. كېيىن، ئۇ يەنە 830 يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. ئۇ 895 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. يارېت 162 يېشىدا بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى ھانۇخ قويدى. كېيىن، ئۇ يەنە 800 يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. ئۇ 962 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ھانۇخ 65 يېشىدا بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى مەتۇشەلاھ قويدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ھانۇخ 300 يىل جەريانىدا خۇدا بىلەن يېقىن ياشىدى. ئۇ يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. ئۇ يەر يۈزىدە جەمئىي 365 يىل ياشاپ، پۈتۈن ھاياتىنى خۇدا بىلەن يېقىن ئۆتكۈزۈپ، بىر كۈنى كۆزدىن غايىب بولدى. چۈنكى، خۇدا ئۇنى ئۆز يېنىغا ئېلىپ كەتكەنىدى. مەتۇشەلاھ 187 يېشىدا بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆردى. ئۇنىڭ ئىسمىنى لامىك قويدى. كېيىن، ئۇ يەنە 782 يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. ئۇ 969 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. نۇھنى تاپقاندىن كېيىن، لامىك يەنە 595 يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. ئۇ 777 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. نۇھ 500 ياشقا كىرگەندىن كېيىن، سام، ھام، ياپەت ئىسىملىك ئۈچ ئوغۇل پەرزەنت كۆردى. ئىنسانلار دۇنيادا كۆپىيىشكە باشلىغاندا، قىزلارمۇ كۆپلەپ تۇغۇلغانىدى. «خۇدانىڭ ئوغۇللىرى» شۇ قىزلارنىڭ چىرايلىقلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزلىرى خالىغان قىزلارنى خوتۇنلۇققا ئېلىشقا باشلىدى. بۇنى كۆرگەن پەرۋەردىگار: - مەن ئىنسانلارغا بەرگەن ھاياتلىق روھى ئۇلاردا مەڭگۈ ياشىمايدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئۆلۈشكە تېگىشلىك. كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ ئۆمرى بىر يۈز يىگىرمە ياشتىن ئاشمىسۇن! - دېدى. «خۇدانىڭ ئوغۇللىرى» ئىنسانلارنىڭ قىزلىرى بىلەن بىللە بولۇپ، ئەۋلاد تاپقان چاغدا ۋە كېيىنكى ۋاقىتلاردا، يەر يۈزىدە «نېفىلىم» دەپ ئاتىلىدىغان، دىۋىگە ئوخشايدىغان ئادەملەرمۇ بار ئىدى. ئۇلار قەدىمكى زاماننىڭ باتۇرلىرى ۋە داڭلىق كىشىلىرى ئىدى. پەرۋەردىگار ئىنسانلارنىڭ رەزىللىكىنى، نىيىتىنىڭ ھەرقاچان يامانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ ئادەمنى ياراتقانلىقىغا پۇشايمان قىلدى. ئۇ ئىنتايىن ئېچىنغان ھالدا: - مەن ياراتقان ئىنسانلارنى يەر يۈزىدىن يوقىتىمەن. شۇنداقلا، بارلىق چوڭ-كىچىك ھايۋاناتلار ۋە ئۇچارقاناتلارنىمۇ يوق قىلىمەن. ئۇلارنى ياراتقانلىقىم ئۈچۈن ئەپسۇسلىنىمەن! - دېدى. لېكىن، پەرۋەردىگار نۇھتىن خۇرسەن ئىدى. باشقا ئىنسانلار بولسا خۇدانىڭ نەزىرىدە گۇناھقا پاتقان بولۇپ، يەر يۈزى ئۇلار سەۋەبلىك زوراۋانلىققا تولغانىدى. خۇدا دۇنياغا نەزەر سېلىپ، كىشىلەرنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ رەزىللىكىدىن دۇنيانىڭ ئىنتايىن بۇزۇلغانلىقىنى كۆردى. شۇنىڭ بىلەن، خۇدا نۇھقا: - دۇنيا ئىنسانلارنىڭ زوراۋانلىقىغا تولۇپ كەتتى. شۇڭا، مەن ئۇلارنى يوقىتىمەن! دۇنيا بىلەن قوشۇپ پۈتۈنلەي يوقىتىمەن! سەن ياخشى شەمشاد ياغىچىدىن ئۆزۈڭگە بىر كېمە ياسا. ياسىغان كېمىنىڭ ئىچىدە ئۆيلەر بولسۇن. سۇ كىرمەسلىكى ئۈچۈن، ئىچى-سىرتىنى موملا. كېمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر يۈز ئوتتۇز ئۈچ مېتىر، كەڭلىكى يىگىرمە ئىككى مېتىر، ئېگىزلىكى ئون ئۈچ مېتىر بولسۇن. كېمىنىڭ ئەڭ ئۈستىدە لەمپە بولسۇن، لەمپە بىلەن ياغاچ تام ئارىلىقىدا ئەللىك سانتىمېتىر ئېگىزلىكتە بوشلۇق قالدۇر. كېمىنى يۇقىرى، ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئۈچ قەۋەت قىلغىن. كېمىنىڭ ئىشىكىنى يېنىغا ئاچقىن. مەن يەر يۈزىنى توپان بىلەن غەرق قىلىپ، ئاسمان ئاستىدىكى پۈتكۈل جانلىقلارنى يوقىتىمەن. يەر يۈزىدىكى تىنىقى بارلىكى مەخلۇقلارنىڭ ھەممىسىنى يوقىتىمەن، لېكىن، سەن بىلەن ئالدىن بىر ئەھدە تۈزەي. سەن ئايالىڭ، ئوغۇللىرىڭ ۋە كېلىنلىرىڭنى ئېلىپ كېمىگە چىق. سەن يەنە كېمىگە يەر يۈزىدىكى ھەر خىل ھايۋانلارنىڭ ھەربىر تۈرىنىڭ ئەركەك-چىشىسىدىن بىر جۈپتىن ئېلىپ، ئۇلارنى ساقلاپ قال. ھەر خىل چوڭ-كىچىك ھايۋاناتلار ۋە ئۇچارقاناتلار ساقلىنىپ قېلىش ئۈچۈن، سېنىڭ ئالدىڭغا بىر جۈپتىن كېلىدۇ. سەن ئۇلارنى كېمىگە كىرگۈزگىن. ئۆزۈڭلار ۋە ھايۋاناتلار ئۈچۈن ھەر خىل ئوزۇق-تۈلۈكلەرنى ئېلىۋال، - دېدى. نۇھ ھەربىر ئىشتا خۇدا بۇيرۇغاندەك قىلدى. پەرۋەردىگار نۇھقا: - بۇ دۇنيادىكى كىشىلەر ئارىسىدا سېنىڭ بىردىنبىر دۇرۇس كىشى ئىكەنلىكىڭنى بايقىدىم. شۇڭا، سەن پۈتۈن ئائىلەڭدىكىلەرنى ئېلىپ كېمىگە چىققىن. مەن «ھالال» دەپ بېكىتكەن ھايۋاناتلارنىڭ ھەر خىلىنىڭ ئەركەك-چىشىسىدىن يەتتە جۈپتىن، «ھارام»~لىرىنىڭ ھەر خىلىنىڭ ئەركەك-چىشىسىدىن بىر جۈپتىن ئېلىۋال. ئۇچارقاناتلارنىڭ ھەر خىلىنىڭ ئەركەك-چىشىسىدىنمۇ يەتتە جۈپتىن ئېلىۋال. شۇنداق بولغاندا، توپان ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھەر خىل ھايۋانات، ئۇچارقاناتلار ھايات قېلىپ، يەر يۈزىدە ئۇلارنىڭ ئۇرۇقى قايتا كۆپىيەلەيدۇ. ئۆزۈم ياراتقان پۈتكۈل جانلىقلارنى يەر يۈزىدىن پۈتۈنلەي يوقىتىش ئۈچۈن، يەتتە كۈندىن كېيىن، ئۇدا قىرىق كېچە-كۈندۈز قاتتىق يامغۇر ياغدۇرىمەن، - دېدى. نۇھ پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بىر-بىرلەپ ئىجرا قىلدى. توپان يەر يۈزىنى باسقاندا، نۇھ ئالتە يۈز ياشتا ئىدى. ئۇ توپان بالاسىدىن قۇتۇلۇپ قېلىش ئۈچۈن، ئايالى، ئوغۇللىرى ۋە كېلىنلىرىنى ئېلىپ كېمىگە چىقتى. يەتتە كۈندىن كېيىن، يەر يۈزىنى توپان بېسىشقا باشلىدى. نۇھ ئالتە يۈز ياشقا كىرگەن يىلى ئىككىنچى ئاينىڭ ئون يەتتىنچى كۈنى، يەر ئاستىدىكى ھەممە بۇلاقلار يېرىلىپ، ئاسماندىن چېلەكلەپ قۇيغاندەك قاتتىق يامغۇر ياغدى. يامغۇر قىرىق كېچە-كۈندۈز توختىماي داۋاملاشتى. دەل يامغۇر باشلانغان كۈنى، نۇھ، ئايالى، سام، ھام، ياپەتتىن ئىبارەت ئۈچ ئوغلى ۋە كېلىنلىرى كېمىگە چىقتى. ھەر خىل ياۋايى ھايۋاناتلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىرى، ئۆي ھايۋانلىرى ۋە ئۇچارقاناتلار، جۈملىدىن، تىنىقى بارلىكى پۈتكۈل مەخلۇقلار ئۆز جۈپلىرى بىلەن نۇھنىڭ ئالدىغا بىر جۈپتىن كېلىپ، كېمىگە چىقتى. ھايات كەچۈرۈۋاتقان بارلىق جانلىقلار خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە ئۆز جۈپلىرى بىلەن كېمىگە كىرگەندىن كېيىن، پەرۋەردىگار كېمىنىڭ ئىشىكىنى تاقاپ قويدى. يامغۇر قىرىق كۈن داۋاملاشتى. توپان ئۇلغايغانسېرى كېمە يەردىن كۆتۈرۈلدى. سۇ تېخىمۇ ئېگىزلەپ، كېمە سۇ يۈزىدە لەيلەپ قالدى. توپان يەر يۈزىنى قاپلاپ، ھەتتا ئېگىز تاغ چوققىلىرىمۇ كۆرۈنمەي قالدى. سۇ ئۆرلەپ تاكى ئەڭ ئېگىز تاغ چوققىلىرىدىن يەتتە مېتىر ئېگىزلەپ كەتكۈچە داۋاملاشتى. نەتىجىدە، يەر يۈزىدىكى ھايات كەچۈرۈۋاتقان پۈتكۈل جانلىقلار، يەنى ھەرقانداق ئۇچارقاناتلار، چوڭ-كىچىك ھايۋاناتلار ۋە ئىنسانلار پۈتۈنلەي يوقىتىلدى. دېمەك، يەر يۈزىدىكى ھاياتلىق نەپىسى بار بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆلدى. خۇدا يەر يۈزىدىكى ھەممە جانلىقلارنى، يەنى ئىنسانلار، چوڭ-كىچىك ھايۋاناتلار ۋە ئۇچارقاناتلارنى يوقاتتى. پەقەت نۇھ بىلەن ئۇنىڭ كېمىسىدىكى جانلىقلارلا ھايات قالدى. توپان يەر يۈزىنى بىر يۈز ئەللىك كۈن باستى. شۇنداق بولسىمۇ، خۇدا نۇھنى ۋە كېمىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان بارلىق ھايۋاناتلارنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ئۇ يەر يۈزىدە شامال چىقارغانىدى، سۇ پەسىيىشكە باشلىدى. يەر ئاستىدىكى بۇلاقلار يېپىلىپ، ئاسماندىن يېغىۋاتقان قاتتىق يامغۇرمۇ توختىغانىدى. بىر يۈز ئەللىك كۈن ئىچىدە سۇ ئاستا-ئاستا ئازايدى. يەتتىنچى ئاينىڭ ئون يەتتىنچى كۈنى، كېمە ئارارات تاغ تىزمىلىرىدىكى بىر تاغنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ قالدى. سۇ داۋاملىق پەسىيىپ، ئونىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى تاغ چوققىلىرى كۆرۈنۈشكە باشلىدى. قىرىق كۈندىن كېيىن، نۇھ دېرىزىنى ئېچىپ، بىر قاغىنى قويۇپ بەردى. بۇ قاغا تاكى يەردىكى سۇ قۇرۇپ كەتكۈچە، كېمىنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۇھ سۇنىڭ يەر يۈزىدىن يانغان ياكى يانمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، بىر كەپتەرنى قويۇپ بەرگەنىدى. لېكىن، يەر يۈزىنى تېخىچە سۇ قاپلاپ تۇرغاچقا، كەپتەر قونغۇدەك جاي تاپالماي قايتىپ كەلدى. نۇھ قولىنى سۇنۇپ، ئۇنى تۇتۇپ كېمىگە ئەكىرىۋالدى. يەنە يەتتە كۈندىن كېيىن، ئۇ كەپتەرنى يەنە قويۇپ بەردى. كەچقۇرۇن، ھېلىقى كەپتەر تۇمشۇقىدا يېڭى زەيتۇن يوپۇرمىقىنى چىشلىگەن ھالدا نۇھنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى. نۇھ شۇنىڭدىن سۇنىڭ يەر يۈزىدىن ئاساسىي جەھەتتىن يانغانلىقىنى بىلدى. يەنە يەتتە كۈندىن كېيىن، ئۇ كەپتەرنى يەنە قويۇپ بەردى. بۇ قېتىم كەپتەر قايتىپ كەلمىدى. نۇھ ئالتە يۈز بىر ياشقا كىرگەن يىلى بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى، توپان يەر يۈزىدىن پۈتۈنلەي يېنىپ بولدى. نۇھ كېمىنىڭ قاپقىقىنى ئېچىپ، ئۆپچۆرىسىگە قاراپ، يەر يۈزىنىڭ قۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى كۆردى. ئىككىنچى ئاينىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كۈنى، يەر يۈزى پۈتۈنلەي قۇرۇپ بولدى. يېنىڭدىكى بارلىق مەخلۇقلار، يەنى ئۇچارقاناتلار ۋە چوڭ-كىچىك ھايۋاناتلارنى ئېلىپ چىق. ئۇلار يەر يۈزىدە يەنە كۆپىيىپ، زېمىنغا تارالسۇن، - دېدى. شۇنىڭ بىلەن، نۇھ ئايالى، ئوغۇللىرى ۋە كېلىنلىرىنى ئېلىپ كېمىدىن چىقتى. يەر يۈزىدىكى بارلىق جانلىقلار، يەنى چوڭ-كىچىك ھايۋاناتلار ۋە ئۇچارقاناتلار ئۆز تۈرلىرى بىلەن توپ-توپ بولۇشۇپ كېمىدىن چىقىشتى. نۇھ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، «ھالال» دەپ بېكىتىلگەن ھايۋانات ۋە ئۇچارقاناتلارنىڭ ھەر تۈرىدىن تاللاپ سويۇپ، قۇربانلىق سۈپىتىدە كۆيدۈرۈۋەتتى. پەرۋەردىگار قۇربانلىقتىن مەمنۇن بولۇپ، كۆڭلىدە: «ئىنسانلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۈچۈن يەرگە قايتا لەنەت ئوقۇمايمەن. ئىنسانلارنىڭ كىچىكىدىن تارتىپ نىيىتىنىڭ پۈتۈنلەي يامانلىقىنى بىلىمەن. شۇنداق بولسىمۇ، يەر يۈزىدىكى بارلىق جانلىقلارنى ھەرگىز بۇ قېتىمقىدەك قايتا يوقىتىۋەتمەيمەن. يەر يۈزى بىر كۈن مەۋجۇت بولسا، ئۇنىڭدا تېرىم-يىغىم، ئىسسىق-سوغۇق، قىش-ياز، كېچە-كۈندۈزمۇ مەۋجۇت بولىدۇ!» دېدى. خۇدا نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەخت ئاتا قىلىپ مۇنداق دېدى: - سىلەر نەسلىڭلارنى كۆپەيتىڭلار، ئۇرۇق-ئەۋلادىڭلار پۈتۈن دۇنياغا تارقالسۇن. يەر يۈزىدىكى بارلىق چوڭ-كىچىك ھايۋاناتلار، ئۇچارقاناتلار ۋە بېلىقلار سىلەردىن قورقۇپ، سىلەرنىڭ باشقۇرۇشۇڭلاردا بولىدۇ. بۇرۇن سىلەرگە ئوزۇقلۇق ئۈچۈن كۆكتاتلارنى بەرگىنىمدەك، ئەمدى سىلەرگە ھەممە ھايۋاناتلارنىمۇ بېرىمەن. لېكىن، سىلەر قېنى بار گۆشنى ھەرگىز يېمەڭلار، چۈنكى جان قاندىدۇر. بۇنىڭدىن باشقا، قان تۆكۈلۈش بولسا، چوقۇم ھېساب ئالىمەن. ھەرقانداق بىر ھايۋان ئادەم ئۆلتۈرسە، ئۇنىڭدىنمۇ ھېساب ئالىمەن. كىمدەكىم ئادەم ئۆلتۈرسە، ئۇنىمۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىمەن. مەن ئادەمنى ئۆزۈمگە ئوخشايدىغان قىلىپ ياراتتىم، شۇنىڭ ئۈچۈن، كىمكى باشقا بىر ئادەمنىڭ قېنىنى تۆكسە، ئۇنىڭ قېنىمۇ باشقىلار تەرىپىدىن تۆكۈلىدۇ. سىلەر نەسلىڭلارنى كۆپەيتىڭلار. سىلەرنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادىڭلار پۈتۈن دۇنيانى قاپلىسۇن. سىلەرگە ۋەدە بېرىمەنكى، پۈتكۈل جانلىقلار ھەرگىز توپان بىلەن قايتا يوقىتىلمايدۇ، يەر يۈزىنى خاراب قىلىدىغان توپان ئىككىنچى كەلمەيدۇ. ھەسەن-ھۈسەننىڭ بۇلۇتلار ئارىسىدا پەيدا بولۇشى ئۆزۈمنىڭ سىلەر ۋە يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل جانلىقلار بىلەن تۈزگەن مەڭگۈلۈك ئەھدەمنى ئېسىمگە كەلتۈرىدۇ. ھەسەن-ھۈسەن مېنىڭ بارلىق جانلىقلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنىڭ بەلگىسى بولسۇن. كېمىدىن چىققان نۇھنىڭ ئوغۇللىرى: سام، ھام ۋە ياپەتلەر ئىدى. (ھام قانانلىقلارنىڭ بوۋىسى.) دۇنياغا تارقالغان ھەممە خەلقلەر نۇھنىڭ بۇ ئۈچ ئوغلىنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. نۇھ دېھقان بولۇپ، ئۈزۈمزارلىق يېتىشتۈرگەن بىرىنچى كىشى ئىدى. بىر قېتىم، ئۇ شاراب ئىچىپ مەست بولۇپ قېلىپ، كىيىم-كېچەكلىرىنى سېلىۋېتىپ، چېدىرىدا ياتاتتى. قاناننىڭ ئاتىسى بولغان ھام، ئاتىسىنىڭ قىپيالىڭاچلىقىنى كۆرۈپ قېلىپ، بۇ ئىشنى ئىككى قېرىندىشىغا ئاشكارىلاپ قويدى. سام بىلەن ياپەت ئۇچىسىغا بىر ئۇزۇن چاپان يېپىنچاقلاپ، چېدىرنىڭ ئىچىگە كەينىچە مېڭىپ كىرىپ، چاپاننى ئاتىسىغا يېپىپ قويدى. ئۇلار يۈزىنى ئالدى تەرەپكە قىلىپ، ئاتىسىنىڭ يالىڭاچ تېنىگە قارىمىدى. نۇھ ئويغىنىپ، كەنجى ئوغلى ھامنىڭ قىلغانلىرىنى بىلىپ، ئۇنىڭ ئوغلى قانانغا لەنەت ئوقۇپ مۇنداق دېدى: «قانانغا لەنەت ياغقاي! ئۇ قېرىنداشلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن قۇلى بولغاي. پەرۋەردىگار - سام ئېتىقاد قىلغان خۇدا مەدھىيىلەنگەي! قاناننىڭ ئەۋلادى سامنىڭ ئەۋلادىغا قۇل بولغاي. خۇدا ياپەتنى گۈللەپ ياشناتقاي. ئۇنىڭ ئەۋلادى سامنىڭ ئەۋلادى بىلەن بىللە ئىناق ياشىغاي. قاناننىڭ ئەۋلادى ياپەتنىڭ ئەۋلادىغا قۇل بولغاي.» توپاندىن كېيىن، نۇھ يەنە 350 يىل ئۆمۈر كۆردى. ئۇ 950 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. نۇھنىڭ ئوغۇللىرى سام، ھام، ياپەتلەرنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: توپاندىن كېيىن، ئۇ ئۈچەيلەندىن پەرزەنتلەر تۆرەلدى. ياپەتنىڭ ئوغۇللىرى: گومەر، ماگوگ، ماداي، ياۋان، تۇبال، مەشەك ۋە تىراسلار ئىدى. گومەرنىڭ ئەۋلادلىرى: ئاشكىنازلار، رىفاتلار ۋە توگارماھلار ئىدى. ياۋاننىڭ ئەۋلادلىرى: ئەلىشا، تارشىش، كىتتىم، رودانىم خەلقلىرى ئىدى. ئۇلار دېڭىز بويلىرىدا ۋە ئاراللاردا ياشايدىغان مىللەتلەرنىڭ ئاتىسى بولدى. ياپەتنىڭ ئەۋلادلىرى ئۆز قەبىلىلىرى ۋە دۆلەتلىرى ئىچىدە ياشاپ، ئۆز تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەردىن بولۇپ قالدى. ھامنىڭ ئوغۇللىرى: كۇش، مىسىر، لىۋىيە ۋە قانانلار ئىدى. كۇشنىڭ ئەۋلادلىرى بولسا: سىبالار، ھاۋىلاھلار، سابىتالار، رائامىلار ۋە سەبىتىكاھلار ئىدى. رائامىنىڭ ئەۋلادلىرى بولسا: شىبالار ۋە دېدانلار ئىدى. كۇشنىڭ نىمرود ئىسىملىك بىر ئوغلى بولۇپ، ئۇ يەر-يۈزىدىكى ئەڭ كۈچلۈك باتۇرغا ئايلاندى. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا باتۇر ئوۋچى بولغانىدى. شۇڭا، كىشىلەر ئارىسىدا «پەرۋەردىگار سېنى نىمرودتەك باتۇر ئوۋچى قىلسۇن!» دېگەن سۆز تارقالغانىدى. دەسلەپتە، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى بابىل، ئەرەك، ئاكاد، كالنېھ دېگەن جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. بۇ تۆت جاي بابىلوندا ئىدى. مىسىرنىڭ ئەۋلادلىرى: لۇدلار، ئانامىيلار، لېھابىيلار، نافتۇھىيلار، پاترۇسلار، كاسلۇھىيلار ۋە كرىتلار ئىدى. فىلىستىنلىكلەر بولسا، كاسلۇھىيلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئىدى. قاناننىڭ تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى سىدون ئىدى، يەنە بىر ئوغلىنىڭ ئىسمى خىت ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى كېيىن ھەر مىللەتلەرنىڭ ئىسىملىرىغا ئايلىنىپ، ئۇلار شۇ مىللەتلەرنىڭ بوۋىلىرى بولدى. قانان يەنە يەبۇسلار، ئامورلار، گىرگاشلار، ھىۋىلار، ئاركىيلار، سىندىيلار، ئارۋادىيلار، سىمارىيلار ۋە ھاماتىيلارنىڭ بوۋىسى بولدى. كېيىن، قانانلىقلارنىڭ قەبىلىلىرى ناھايىتى كەڭ تارقالدى. ئۇلارنىڭ زېمىن چېگرىسى سىدوننىڭ جەنۇبىدىن گىرارنىڭ يېنىدىكى گازا شەھىرىگىچە، شەرقتە سودوم، گومورا، ئادما ۋە سىبوئىمنىڭ يېنىدىكى لاشا شەھىرىگىچە باراتتى. ھامنىڭ بۇ ئەۋلادلىرى ھەرقايسىسى ئۆز قەبىلىلىرى ۋە دۆلەتلىرى ئىچىدە ياشاپ، ئۆز تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەردىن بولۇپ قالدى. سام ياپەتنىڭ ئاكىسى بولۇپ، ئۇ ئەبەرلەرنىڭ ئاتىسى بولدى. سامنىڭ ئوغۇللىرى ئېلام، ئاسسۇر، ئارپاخشاد، لود ۋە ئاررام ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى كېيىن ھەر مىللەتلەرنىڭ ئىسىملىرىغا ئايلىنىپ، ئۇلار شۇ مىللەتلەرنىڭ بوۋىلىرى بولدى. ئاررامنىڭ ئەۋلادلىرى: ئۇسلار، ھۇللار، گەتەرلەر ۋە ماشلار ئىدى. ئارپاخشاد شالاھنىڭ ئاتىسى، شالاھ بولسا ئەبەرنىڭ ئاتىسى ئىدى. ئەبەردىن ئىككى ئوغۇل تۆرەلدى. بىرىنىڭ ئىسمى پەلەگ [ئاھاڭ جەھەتتە «بۆلۈنۈش»] ئىدى، چۈنكى ئۇ ياشىغان دەۋردە ئىنسانلار بۆلۈنۈشكە باشلىدى. يەنە بىرىنىڭ ئىسمى يوقتان ئىدى. يوقتاننىڭ ئەۋلادلىرى: ئالمودادلار، شەلەپلەر، خازارماۋىتلار، يەراھلار، ھادوراملار، ئۇزاللار، دىكلاھلار، ئوبالىيلار، ئابىمائېللار، شىبالار، ئوفىرلار، ھاۋىلاھلار ۋە يوبابلار ئىدى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى يوقتاننىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئۇلار مېشادىن سەففارنىڭ شەرق تەرىپىدىكى تاغقىچە بولغان جايلاردا ياشايتتى. سامنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەۋلادلىرى، ھەرقايسىسى ئۆز قەبىلىلىرى ۋە دۆلەتلىرى ئىچىدە ياشاپ، ئۆز تىللىرىدا سۆزل ىشىدىغان مىللەتلەردىن بولۇپ قالدى. يۇقىرىدىكىلەر نۇھنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. بۇلار ئۆز زېمىنىدىكى ھەربىر قەبىلىلەر بويىچە خاتىرىلەنگەن. توپاندىن كېيىن، دۇنيادىكى پۈتۈن مىللەتلەر نۇھنىڭ ئوغۇللىرىدىن تارقالدى. دەسلەپتە، يەر يۈزىدە بىرلا تىل بار ئىدى، ئىنسانلار پەقەت بۇ تىلدىلا سۆزلىشەتتى. ئۇلار شەرق تەرەپكە كۆچۈۋاتقىنىدا، بابىلوندىكى بىر تۈزلەڭلىككە كېلىپ ئورۇنلاشتى. ئۇلار ئۆزئارا: - خىش قۇيۇپ، ئوتتا پىشۇرايلى! - دەپ مەسلىھەتلەشتى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار قۇرۇلۇشتا تاشنىڭ ئورنىغا خىش، لاينىڭ ئورنىغا قارا ماي ئىشلىتىدىغان بولدى. ئاندىن، ئۇلار: - بىر شەھەر بىنا قىلايلى! شەھەردە ئاسمانغا تاقاشقۇدەك بىر مۇنار ياساپ، ئۆز نامىمىزنى چىقىرىپ، تەرەپ-تەرەپكە تارقىلىپ كېتىشىمىزدىن ساقلىنايلى! - دېيىشتى. پەرۋەردىگار ئىنسانلارنىڭ بىنا قىلىۋاتقان شەھەر ۋە مۇنارىنى كۆرگىلى چۈشتى. پەرۋەردىگار: - ئۇلار بىرلىشىپ بىر قوۋم بولۇپ، بىر تىلدا سۆزلىشىدىكەن. بۇ پەقەتلا ئۇلار قىلماقچى بولغان ئىشنىڭ باشلىنىشى! بۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلار نېمە قىلىشنى خالىسا، شۇنى قىلالايدۇ. بىز چۈشۈپ، ئۇلارنىڭ تىلىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىپ، ئۇلارنى بىر-بىرىنىڭ مەقسىتىنى ئۇقالمايدىغان قىلىپ قويايلى، - دېدى. بۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگار ئۇلارنى پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىۋەتتى. ئۇلار شەھەر بىنا قىلىش قۇرۇلۇشىنى توختاتتى. شۇڭا، بۇ شەھەرنىڭ نامى بابىل [ئاھاڭ جەھەتتە «قالايمىقانچىلىق»] دەپ ئاتالدى. چۈنكى، پەرۋەردىگار ئۇ يەردە ئىنسانلارنىڭ تىللىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىپ، ئۇلارنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىتىۋەتكەنىدى. سامنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: توپان ئۆتۈپ ئىككىنچى يىلى، سام 100 يېشىدا ئارپاخشادنى تاپتى. كېيىن، ئۇ يەنە 500 يىل ھايات كەچۈرۈپ يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. ئارپاخشاد 35 يېشىدا شالاھنى تاپتى. كېيىن، ئۇ يەنە 403 يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. شالاھ 30 يېشىدا ئەبەرنى تاپتى. كېيىن، ئۇ يەنە 403 يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. ئەبەر 34 يېشىدا پەلەگنى تاپتى. كېيىن، ئۇ يەنە 430 يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. پەلەگ 30 يېشىدا راغۇنى تاپتى. كېيىن، ئۇ يەنە 209 يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. راغۇ 32 يېشىدا سېرۇخنى تاپتى. كېيىن، ئۇ يەنە 207 يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. سېرۇخ 30 يېشىدا ناھورنى تاپتى. كېيىن، ئۇ يەنە 200 يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. ناھور 29 يېشىدا تەراھنى تاپتى. كېيىن، ئۇ يەنە 119 يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. تەراھ 70 يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئىبرام، ناھور ۋە ھارانلارنى تاپتى. تەراھنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: تەراھ ئىبرام، ناھور ۋە ھارانلارنى تاپتى. ھاران بولسا لۇتنى تاپتى. ھاران كالدانىلارنىڭ زېمىنى بولغان ئۆز يۇرتى ئۇر شەھىرىدە ئاتىسى تەراھتىن بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتتى. ئىبرام ساراھقا ئۆيلەندى، ناھور بولسا ھاراننىڭ قىزى مىلكاغا ئۆيلەندى. ھاراننىڭ يەنە ئىسكاھ دېگەن بالىسىمۇ بار ئىدى. ساراھ تۇغماس بولغاچقا، پەرزەنت كۆرمىگەنىدى. تەراھ ئوغلى ئىبرامنى، نەۋرىسى لۇت (ھاراننىڭ ئوغلى)~نى ۋە كېلىنى، يەنى ئىبرامنىڭ ئايالى ساراھنى ئېلىپ، كالدانىلارنىڭ زېمىنى بولغان ئۇر شەھىرىدىن ئايرىلىپ، قانان دېگەن رايونغا كەتمەكچىدى. بىراق، ئۇلار ھاران دېگەن شەھەرگە كەلگەندە، شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالدى. تەراھ ئىككى يۈز بەش يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ھاراندا ئالەمدىن ئۆتتى. پەرۋەردىگار ئىبرامغا مۇنداق دېدى: - سەن يۇرتۇڭدىن چىقىپ، ئاتاڭ ۋە باشقا ئۇرۇق-جەمەتىڭدىن ئايرىلىپ، مەن كۆرسەتمەكچى بولغان يەرگە بارغىن. «مەن سېنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادىڭنى كۆپەيتىپ، ئۇلارنى بىر چوڭ خەلق قىلىمەن. مەن ساڭا بەخت ئاتا قىلىپ، نامىڭنى ئۇلۇغ قىلىمەن. شۇنداق قىلىپ، كىشىلەر سەن ئارقىلىق بەخت تاپىدۇ. ساڭا بەخت تىلىگەنلەرگە بەخت ئاتا قىلىمەن، ساڭا لەنەت ئوقۇغانلارغا لەنەت ياغدۇرىمەن. سەن ئارقىلىق ھەممە مىللەتلەرگە بەخت ئاتا قىلىمەن!» ئىبرام يەتمىش بەش يېشىدا پەرۋەردىگارنىڭ يوليورۇقى بىلەن ھاران شەھىرىدىن كەتتى، لۇتمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەتتى. ئىبرام ئايالى ساراھ بىلەن جىيەنى لۇتنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ھاران شەھىرىدە تاپقان بايلىقى ۋە قۇللىرىنى ئېلىپ، قانان رايونىغا قاراپ يول ئالدى. ئۇلار قانان تەۋەسىگە كىرگەندىن كېيىن، سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، شەكەم شەھىرىگە يېقىن مورەھ دېگەن جايىدىكى چوڭ بىر دۇب دەرىخىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇ چاغدا، قانانلىقلار شۇ زېمىندا ياشاۋاتاتتى. پەرۋەردىگار ئىبرامغا كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭغا: - مانا بۇ زېمىننى سېنىڭ ئەۋلادىڭغا تەقدىم قىلىمەن، - دېدى. شۇڭا، ئىبرام ئۇ يەردە ئۆزىگە كۆرۈنگەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئىبادەت قىلدى. كېيىن، ئۇ جەنۇبقا يۆتكىلىپ، بەيتەل شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى تاغلىق رايونغا باردى. غەرب تەرىپى بەيتەلگە، شەرق تەرىپى ئاي دېگەن جايغا تۇتىشىدىغان بۇ جايغا ئورۇنلىشىپ، ئۇ يەردىمۇ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى. كېيىن، ئۇ ئاستا-ئاستا قاناننىڭ جەنۇبىدىكى نېگىب رايونىغا يۆتكەلدى. قاناندا ئاچارچىلىق يۈز بېرىپ، ئەھۋال ئىنتايىن ئېغىر ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئىبرام مىسىرغا بېرىپ، ئۇ يەردە ۋاقتىنچە تۇرماقچى بولدى. ئۇلار مىسىرغا كىرىشكە ئاز قالغاندا، ئىبرام ئايالى ساراھقا: - سەن بىر گۈزەل ئايال. مىسىرلىقلار سېنى كۆرسە، جەزمەن مېنىڭ ئايالىم ئىكەنلىكىڭنى بىلىپ، سېنى ھايات قالدۇرۇپ، مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. سەن ئۇلارغا ئۆزۈڭنى مېنىڭ سىڭلىم دېگىن. شۇنداق دېسەڭ، ئۇلار سېنى دەپ، مېنىڭ جېنىمغا زامىن بولماي، ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، - دېدى. ئىبرام مىسىرغا كىرگەن ۋاقتىدا، مىسىرلىقلار دەرۋەقە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ گۈزەللىكىنى بايقىدى. ئوردىدىكى بىرنەچچە ئەمەلدار ئۇنى كۆرۈپ، پادىشاھ ئالدىدا ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى تەرىپلىگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن، ساراھ ئوردىغا ئېلىپ كىرىلدى. پادىشاھ ساراھنىڭ سەۋەبىدىن ئىبرامغا ياخشى مۇئامىلە قىلدى. ئۇنىڭغا نۇرغۇن كالا، قوي، ئېشەك، تۆگە ۋە ئەر-ئايال قۇللارنى سوۋغات قىلدى. لېكىن، پادىشاھ ئىبرامنىڭ ئايالى ساراھنى ئېلىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار پادىشاھقا ۋە ئۇنىڭ ئوردىسىدىكىلەرگە ئاپەت ياغدۇردى. ئۇلار قورقۇنچلۇق كېسەلگە گىرىپتار بولدى. بۇنى سەزگەن پادىشاھ ئىبرامنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا: - بۇ ماڭا نېمە قىلغىنىڭ؟ نېمىشقا ساراھنىڭ ئۆز ئايالىڭ ئىكەنلىكىنى ئېيتمىدىڭ؟ نېمىشقا ئۇنى سىڭلىم دېدىڭ؟ شۇنداق دېگىنىڭنى ئاڭلاپ، مەن ئۇنى ئالدىم. ئايالىڭ مانا! ئۇنى ئېلىپ كەت! - دېدى. بۇنىڭ بىلەن، پادىشاھ ئۆز ئەمەلدارلىرىغا ئىبرامنى چېگرىدىن چىقىرىۋېتىشكە ئەمر قىلدى. ئۇلار ئۇنى ئايالى ۋە ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولغان ھەممە نەرسىلىرى بىلەن قوشۇپ يولغا سالدى. ئىبرام ئايالى ۋە ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان ھەممە نەرسىلىرىنى ئېلىپ مىسىردىن چىقىپ، قاناننىڭ جەنۇبىدىكى نېگىب رايونىغا باردى. لۇتمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە باردى. ئىبرام باي بولۇپ، ئۇنىڭ نۇرغۇن مال-ۋارانلىرى ۋە ئالتۇن-كۈمۈشلىرىمۇ بار ئىدى. كېيىن، ئۇ نېگىب رايونىدىن ئايرىلىپ، ئاستا-ئاستا شىمالغا يۆتكىلىپ، بەيتەل شەھىرىگە قايتا باردى. ئۇ بەيتەل بىلەن ئاي شەھىرىنىڭ ئارىلىقىغا، يەنى ئۇ تۇنجى قېتىم ئورۇنلىشىپ، قۇربانلىق سۇپىسى ياسىغان يەرگە قايتىپ كېلىپ، ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى. ئىبرام بىلەن ماڭغان لۇتنىڭمۇ مال-ۋارانلىرى ۋە قۇللىرى كۆپ ئىدى. بۇ ئىككى ئائىلىنىڭ پادىلىرى بەك كۆپ بولغاچقا، ئوتلاقلار يېتىشمەي قالغانىدى. شۇڭا، ئىبرامنىڭ پادىچىلىرى بىلەن لۇتنىڭ پادىچىلىرى ئارىسىدا تالاش-تارتىش چىقىپ قالدى. (ئۇ چاغدا، قانانلىقلار بىلەن پەرىزىلەر يەنىلا قانان رايونىدا تۇراتتى.) شۇڭا، ئىبرام لۇتقا: - بىز بولساق ئۇرۇق-تۇغقان، ئارىمىزدا ياكى پادىچىلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا تالاش-تارتىش چىقمىسۇن. ئايرىلىپ ياشايلى. مانا، پۈتۈن زېمىن سېنىڭ ئالدىڭدا تۇرۇپتۇ. خالىغان يەرنى تاللا! ئوڭ تەرەپنى تاللىساڭ، سول تەرەپ ماڭا قالسۇن، سول تەرەپنى تاللىساڭ، ئوڭ تەرەپ ماڭا قالسۇن، - دېدى. لۇت تۆت تەرەپكە نەزەر سېلىپ، ئىئوردان دەريا ۋادىسىدىن زوئارغىچە سوزۇلغان كەڭ تۈزلەڭلىكنى كۆردى. بۇ تۈزلەڭلىكنىڭ سۈيى مول بولۇپ، خۇددى ئېرەم باغقا ۋە مىسىرنىڭ يەرلىرىگە ئوخشايتتى. (ئۇ چاغدا، پەرۋەردىگار سودوم بىلەن گومورا شەھەرلىرىنى تېخى خارابىلىككە ئايلاندۇرمىغانىدى.) شۇڭا، لۇت ئۇ يەرنى تاللاپ، شەرق تەرەپكە يۆتكەلدى. ئۇ ئىككىيلەن مانا شۇنداق ئايرىلدى. ئىبرام قاناندا ئولتۇراقلىشىپ قالدى. لۇت ئىئوردان دەريا ۋادىسىدىكى شەھەرلەرگە يېقىنلىشىپ، سودوم شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا چېدىر تىكىپ ئورۇنلاشتى. سودوملۇقلار رەزىللىككە تولغان بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئۇلار ئېغىر گۇناھكارلار ئىدى. لۇت ئىبرامدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ئىبرامغا: - سەن تۇرغان جايىڭدىن شەرق، غەرب، جەنۇب ۋە شىمال تەرەپلەرگە قاراپ باق. سەن كۆرۈۋاتقان بۇ زېمىنلارنى ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا تەقدىم قىلىمەن. بۇ زېمىن مەڭگۈ سىلەرگە مەنسۇپ. مەن سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ھەددى-ھېسابسىز كۆپەيتىمەن. يەر يۈزىدىكى قۇمنى ھېچكىم سانىيالمىغانغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ سانىنىمۇ ھېچكىم سانىيالمايدۇ. ئورنۇڭدىن تۇر. بۇ زېمىننى كېزىپ چىق. مەن ئۇنى ساڭا تەقدىم قىلدىم! - دېدى. بۇنىڭ بىلەن، ئىبرام چېدىرلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، ھىبرون شەھىرىگە يېقىن مامرەدىكى دۇب دەرەخلىكىنىڭ يېنىدا ئولتۇراقلىشىپ، ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىسى ياسىدى. شۇ كۈنلەردە، بابىلون بېگى ئامرافىل، ئېللاسار بېگى ئاريوك، ئېلام بېگى كېدورلاۋمار، گويىم بېگى تىدال قاتارلىق تۆت بەگ بىرلىشىپ، سودوم بېگى بەرا، گومورا بېگى بىرشا، ئادما بېگى شىناب، سىبوئىم بېگى شەمەبەر ۋە بېلا (زوئار دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بېگى قاتارلىق بەش بەگ بىلەن جەڭ قىلىشقا چىقتى. بۇ بەش بەگ قوشۇنلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، سىددىم ۋادىسىغا يىغدى. (سىددىم ۋادىسى ھازىرقى «ئۆلۈك دېڭىز» ۋادىسىدۇر.) ئۇلار ئون ئىككى يىل كېدورلاۋمار بېگىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولۇپ، ئون ئۈچىنچى يىلغا كەلگەندە، ئۇنىڭغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەنىدى. شۇڭا، ئون تۆتىنچى يىلى كېدورلاۋمار بەگ ئۆزىنىڭ ۋە ئىتتىپاقداش بەگلەرنىڭ قوشۇنلىرىنى باشلاپ بېرىپ، ئاشتاروت-كارنائىم دېگەن يەردە رېفالارنى يەڭدى. كېيىن، ھام دېگەن يەردە زۇزلارنى ۋە شاۋا-كىرياتائىم تۈزلەڭلىكىدە ئېملارنىڭ ھەممىسىنى تارمار قىلدى. سەئىر تاغلىق رايونىدا ياشاۋاتقان ھورىتلارنىمۇ چۆل بويىدىكى ئەل-پارانغىچە قوغلاپ بېرىپ تارمار قىلدى. ئارقىدىنلا، ئۇلار ئېن-مىشپات، يەنى كادېشقا قايتىپ، ئامالەكلەرنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى بېسىۋېلىپ، ھازازۇن-تاماردا ياشاۋاتقان ئامورلارنىمۇ تارمار قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، سودوم، گومورا، ئادما، سىبوئىم ۋە بېلا، يەنى زوئار قاتارلىق بەش بەگلىكنىڭ بەگلىرى بىرلەشمە قوشۇنىنى باشلاپ، سىددىم ۋادىسىغا جەڭ قىلىشقا چىقتى. ئۇلار ئېلام شەھىرىنىڭ بېگى كېدورلاۋمار، گويىمنىڭ بېگى تىدال، بابىلوننىڭ بېگى ئامرافىل ۋە ئېللاسارنىڭ بېگى ئاريوكتىن ئىبارەت تۆت بەگ بىلەن جەڭ قىلدى. سىددىم ۋادىسىنىڭ ھەممە يېرىدە قارا ماي بىلەن تولغان كۆلچەكلەر بار ئىدى. سودوم بېگى بىلەن گومورا بېگى قاچقان ۋاقتىدا، قوشۇنلىرىنىڭ بىر قىسمى كۆلچەكلەرگە چۈشۈپ كېتىپ، قالغانلىرى تاغقا قېچىپ كەتتى. تۆت بەگ سودوم بىلەن گومورانىڭ پۈتۈن بايلىق ۋە ئاشلىق-تۈلۈكلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ كەتتى. ئۇ چاغدا ئىبرامنىڭ جىيەنى لۇت سودومدا تۇراتتى. ئۇلار ئۇنىمۇ مال-مۈلۈكلىرى بىلەن قوشۇپ بۇلاپ كەتتى. لېكىن، قۇتۇلۇپ قالغان بىر كىشى بۇ ئىشلارنى ئىبرانىي بولغان ئىبرامغا مەلۇم قىلدى. ئۇ چاغدا، ئىبرام ئامور قەبىلىسىدىن مامرە ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ دۇب دەرەخلىكىنىڭ يېنىدا تۇراتتى. مامرە ۋە ئىككى ئىنىسى - ئەشكول ۋە ئانىر ئىبرامنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئىدى. ئىبرام جىيەنى لۇتنىڭ ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۆز ئادەملىرىدىن ئۈچ يۈز ئون سەككىز نەپەر جەڭچىنى چاقىرىپ، تۆت بەگنى دان دېگەن جايغىچە قوغلاپ باردى. ئىبرام كېدورلاۋمار ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئىتتىپاقداش ھەرقايسى بەگلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، غەلىبە بىلەن قايتىپ كەلگەندە، سودوم بېگى ئۇنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن شاۋا ۋادىسى (خان ۋادىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)~غا چىقتى. ئۇلۇغ خۇدانىڭ روھانىيسى ھەم سالىمنىڭ بېگى مالكىسىدىقمۇ نان ۋە شاراب ئېلىپ، ئىبرامنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇنىڭغا بەخت تىلەپ: «پۈتۈن ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان ئۇلۇغ خۇدا ئىبرامنى بەختلىك قىلغاي! سېنى دۈشمىنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدۇرغان ئۇلۇغ خۇدا مەدھىيىلەنگەي!» دېدى. ئىبرام غەنىيمەت ئالغان نەرسىلەرنىڭ ئوندىن بىرىنى مالكىسىدىققا تەقدىم قىلدى. سودوم بېگى ئىبرامغا: - غەنىيمەتلەرنىڭ ھەممىسى ساڭا مەنسۇپ، لېكىن ئادەملىرىمنى قايتۇرۇپ بەر! - دېدى. ئىبرام ئۇنىڭغا: - پۈتۈن ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان پەرۋەردىگار ئۇلۇغ خۇدا ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، مەن سېنىڭ ھەرقانداق نەرسەڭنى، ھەتتا بىر تال يىپىڭنى ياكى كەشىڭنىڭ بوغقۇچىنىمۇ ئالمايمەن. بولمىسا، سەن كېيىن: «مەن ئىبرامنى باي قىلىپ قويدۇم!» دېيىشتىن يانمايسەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەملىرىمنىڭ يېگىنىنىلا ھېسابلايمەن. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچنېمىنى ئالمايمەن. لېكىن، مېنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىم ئانىر، ئەشكول ۋە مامرەلەرگە غەنىيمەتلەردىن تېگىشلىكىنى ئايرىپ بەرسەڭ بولدى، - دېدى. بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن، پەرۋەردىگار ئىبرامغا كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭغا: - ئىبرام، قورقما! مەن ساڭا قالقان بولۇپ، ناھايىتى زور ئىنئام بېرىمەن، - دېدى. لېكىن، ئىبرام: - ئى ئىگەم خۇدا، مېنىڭ پەرزەنتىم بولمىسا، سېنىڭ بەرمەكچى بولغان ئىنئامىڭنىڭ پايدىسى نېمە؟ مېنىڭ بىردىنبىر مىراسخورۇم - دەمەشقتىن كەلگەن چاكىرىم ئېلىيەزەر بولىدۇ. سەن ماڭا پەرزەنت بەرمىدىڭ، شۇڭا مېنىڭ تەئەللۇقاتىمغا چاكىرىم مىراسخور بولىدۇ، - دەپ جاۋاب بەردى. ئارقىدىنلا، ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىگە يەنە: «چاكىرىڭ ئېلىيەزەر سېنىڭ مىراسخورۇڭ بولمايدۇ، پەقەت ئۆزۈڭدىن بولغان ئوغۇللا مىراسخورۇڭ بولىدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدى. شۇندىن كېيىن، خۇدا ئۇنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ، ئۇنىڭغا: - ئاسمانغا قاراپ، يۇلتۇزلارنى سانىيالايدىغان بولساڭ ساناپ باق، سېنىڭ ئەۋلادىڭ ئەنە شۇ يۇلتۇزلاردەك سان-ساناقسىز بولىدۇ! - دېدى. ئىبرام پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەندى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئېتىقادىنى كۆرۈپ، ئۇنى ھەققانىي ئادەم، دەپ ھېسابلىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يەنە: - سېنى بۇ زېمىنغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، سېنى كالدانىلارنىڭ زېمىنى بولغان ئۇر شەھىرىدىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگار مەن بولىمەن، - دېدى. لېكىن، ئىبرام: - ئى ئىگەم خۇدا، مەن بۇ زېمىنغا جەزمەن ئىگە بولىدىغانلىقىمنى نېمىدىن بىلىمەن؟ - دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: - سەن ئۈچ ياشلىق كالا، ئۆچكە، قوچقاردىن ھەم پاختەك ۋە ياش كەپتەردىن بىردىن ئېلىپ، مېنىڭ ئالدىمغا كەلگىن، - دەپ جاۋاب بەردى. ئىبرام بۇ ھايۋانلارنى خۇدانىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ، قۇشلاردىن باشقىسىنىڭ قارنىنى يېرىپ ئىككى پارچە قىلدى. گۆشلەرنى ئىككى تەرەپكە قاتار قىلىپ تىزدى. قۇزغۇنلار ئۇچۇشۇپ كېلىپ، گۆشلەرگە قونغاندا، ئىبرام ئۇلارنى قوغلىۋەتتى. كۈن پاتقاندا، ئىبرام ئۇيقۇغا كەتتى. چۈشىدە ئۇنى قورقۇنچلۇق قاراڭغۇلۇق باستى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: - شۇنى بىلىپ قويغىنكى، سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ باشقا بىر دۆلەتتە مۇساپىر بولىدۇ. شۇ دۆلەتتىكى كىشىلەرگە قۇل بولۇپ، تۆت يۈز يىل ئۇلار تەرىپىدىن ئازاب چېكىدۇ. لېكىن، مەن ئۇلارنى قۇل قىلغۇچى خەلقنى چوقۇم جازالايمەن. ئۇلار ئۇ دۆلەتتىن قايتقىنىدا، نۇرغۇن بايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. سەن بولساڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، ئەجدادلىرىڭنىڭ قېشىغا كېتىسەن. سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ بۇ يەرگە قايتىپ كەلگۈچە، ئۇ يەردە تۆت ئەۋلاد ئۆتۈپ كېتىدۇ. چۈنكى، بۇ يەردە تۇرۇۋاتقان ئامورلارنىڭ گۇناھى چېكىگە يەتمىگۈچە، ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلمايمەن. كۈن پېتىپ قاراڭغۇ چۈشكەندىن كېيىن، ئىس چىقىپ تۇرغان ئوچاق ۋە يېنىپ تۇرغان مەشئەل تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ، ھېلىقى ئىككى قاتار گۆشنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ كەتتى. خىتلار، پەرىزىلەر، رېفالار، ئامورلار، قانانلار، گىرگاشلار ۋە يەبۇسلار دەپ تونۇلغان خەلقلەرنىڭ زېمىنلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىبرامنىڭ ئايالى ساراھ تۇغماس ئىدى، بىراق ئۇنىڭ ھەجەر ئىسىملىك مىسىرلىق بىر دېدىكى بار ئىدى. ساراھ ئىبرامغا: - پەرۋەردىگار مېنى تۇغماس يارىتىپتۇ، ئەمدى سىز مېنىڭ دېدىكىم بىلەن بىر ياستۇققا باش قويۇڭ! بەلكىم ئۇ ماڭا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرەر، - دېدى. ئىبرام ساراھنىڭ بۇ سۆزىگە قوشۇلدى. شۇنىڭ بىلەن، ساراھ ھەجەرنى ئىبرامغا كىچىك خوتۇنلۇققا بەردى. (بۇ ۋەقە ئىبرام قاناندا ئون يىل تۇرغاندا يۈز بەردى.) ئىبرام ھەجەر بىلەن بىللە بولغاندىن كېيىن، ھەجەر ھامىلىدار بولۇپ قالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولغانلىقىنى سېزىپ مەغرۇرلىنىپ، ساراھنى كۆزگە ئىلمايدىغان بولۇپ قالدى. ساراھ ئىبرامغا قېيىداپ: - ھەممىنى قىلغان سەن! مەن ھەجەرنى ساڭا قوشۇپ قويغان. ئەمدىلىكتە، ئۇ ئۆزىنىڭ ھامىلىدارلىقىنى بىلىپلا، مېنى كۆزگە ئىلمايدىغان بولۇۋالدى. سېنىڭ ياكى مېنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە پەرۋەردىگار ئۆزى ھۆكۈم قىلسۇن، - دېدى. ئىبرام: - ئۇ سېنىڭ دېدىكىڭ، ئۇ سېنىڭ ئىلكىڭدە. ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىش سېنىڭ ئىختىيارىڭ، - دەپ جاۋاب بەردى. بۇنىڭ بىلەن، ساراھ ھەجەرنى بوزەك قىلدى، شۇڭا ھەجەر ئىبرامنىڭ ئۆيىدىن قېچىپ كەتتى. پەرىشتىنىڭ سۈرىتىدە كۆرۈنگەن پەرۋەردىگار ھەجەرنى چۆلدىكى بىر بۇلاقنىڭ يېنىدا كۆردى. بۇلاق شۇر دېگەن يەرگە بارىدىغان يولنىڭ بويىدا ئىدى. پەرىشتە ئۇنىڭدىن: - ئەي ساراھنىڭ دېدىكى ھەجەر، سەن قەيەردىن كەلدىڭ؟ نەگە كېتىۋاتىسەن؟ - دەپ سورىدى. - مەن ئايال خوجايىنىم ساراھنىڭ يېنىدىن قېچىپ چىقتىم، - دەپ جاۋاب بەردى ھەجەر. پەرىشتە ئۇنىڭغا: - سەن ئايال خوجايىنىڭنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا بويسۇنغىن، - دېدى. پەرىشتە يەنە مۇنداق دېدى: - مەن سېنىڭ ئەۋلادىڭنى شۇنداق كۆپەيتىمەنكى، ئۇلارنى ھېچكىم سانىيالمايدىغان قىلىمەن. سەن ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىسەن، ئىسمىنى ئىسمائىل [مەنىسى «ئاڭلىغۇچى خۇدا»] قويغىن، چۈنكى سېنىڭ داد-پەريادىڭ پەرۋەردىگارغا يەتتى. سېنىڭ ئوغلۇڭنىڭ مىجەزى بىر ياۋا ئېشەككە ئوخشايدۇ. ھەممە يەرگە بېرىپ، كىشىلەر بىلەن جېدەل چىقىرىدۇ. كىشىلەرمۇ ئۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. ئۇ تۇغقانلىرىغا ئۆچمەنلىك قىلىپ ياشايدۇ. ھەجەر ئۆز-ئۆزىگە: «مەن راستتىنلا ماڭا غەمخورلۇق قىلغان خۇدانى كۆردۈم!» دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئۆزىگە سۆز قىلغان پەرۋەردىگارنى «ئېل-روئا»، [مەنىسى «مېنى كۆرگۈچى خۇدا»] دەپ ئاتىدى. شۇڭا، كىشىلەر ئۇ بۇلاققا بېئېر-لاھايروي [مەنىسى «مېنى كۆرگۈچى خۇدانىڭ بۇلىقى»] دەپ نام قويدى. بۇ بۇلاق ھازىرمۇ كادېش بىلەن بەرەد شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىدۇر. ھەجەر ئىبرامغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. ئىبرام ئۇنىڭغا ئىسمائىل دەپ ئات قويدى. ئۇ چاغدا، ئىبرام سەكسەن ئالتە ياشتا ئىدى. ئىبرام توقسان توققۇز يېشىدا پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ: - مەن ھەممىگە قادىر خۇدادۇرمەن. سەن داۋاملىق مېنىڭ يولۇمدا مېڭىپ، قۇسۇرسىز ئادەم بول. مەن سەن بىلەن تۈزگەن ئەھدەمدە چىڭ تۇرۇپ، سېنى كۆپ ئەۋلادلىق قىلىمەن، - دېدى. ئىبرام يەرگە باش قويدى. خۇدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: - مېنىڭ سەن بىلەن تۈزگەن ئەھدەم مۇنداق: سەن نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئاتىسى بولىسەن. ھازىردىن باشلاپ سېنىڭ ئىسمىڭ ئىبرام ئەمەس، ئىبراھىم [مەنىسى «نۇرغۇن ئەۋلادلارنىڭ ئاتىسى»] بولسۇن. چۈنكى، مەن سېنى نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئاتىسى قىلىمەن. مەن ساڭا كۆپ ئەۋلادلارنى بېرىمەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن يېڭى خەلق ۋە پادىشاھلارمۇ چىقىدۇ. مەن سەن ۋە كەلگۈسىدىكى ئەۋلادلىرىڭ بىلەن تۈزگەن مەڭگۈلۈك ئەھدەمدە تۇرىمەن. مەن سېنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىڭنىڭ خۇداسىدۇرمەن. سەن ھازىر قاناندا مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتىسەن. ئەمما، بۇ پۈتۈن زېمىننى ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا تەقدىم قىلدىم. ئۇ سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا مەڭگۈ مىراس بولسۇن. مەن ئۇلارنىڭمۇ خۇداسىدۇرمەن! خۇدا يەنە مۇنداق دېدى: - ئەمدى سەن ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭمۇ مېنىڭ ئەھدەمدە چىڭ تۇرۇشۇڭلار كېرەك. سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ھەرقانداق ئەر كىشى خەتنە قىلىنىشى كېرەك. مانا بۇ مېنىڭ سەن ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ بىلەن تۈزگەن ئەھدەمدۇر. ھەممە ئەرلەرنىڭ خەتنىسىنى قىلىشىڭلار كېرەك. سىلەرنىڭ تېنىڭلاردىكى بەلگە - ئارىمىزدىكى تۈزگەن مەڭگۈلۈك ئەھدەمنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالسۇن. خەتنە قىلىنمىغان ئەرنى خەلقىم قاتارىدىن چىقىرىۋېتىمەن. ئۇنداق كىشى مېنىڭ ئەھدەمنى بۇزغان بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، خۇدا ئىبراھىمغا مۇنداق دېدى: - سېنىڭ ئايالىڭ ساراھنىڭ ئىسمى ھازىردىن باشلاپ سارە [مەنىسى «ئايال شاھزادە»] بولسۇن. مەن ئۇنىڭغا بەخت ئاتا قىلىپ، ئۇنىڭدىن ساڭا بىر ئوغۇل تەقدىم قىلىمەن. سارە نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئانىسى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن پادىشاھلارمۇ چىقىدۇ. ئىبراھىم يەرگە باش قويۇپ، كۈلۈپ، كۆڭلىدە «يۈز ياشلىق بوۋاي قانداقمۇ پەرزەنت كۆرەلىسۇن؟! سارە بولسا توقسان ياشقا كىرگەن تۇرسا، قانداقمۇ ھامىلىدار بولالىسۇن؟» دەپ ئويلىدى ۋە خۇداغا: - ئىسمائىلنى بەختكە ئېرىشتۈرسەڭ بولدىغۇ! - دېدى. لېكىن، خۇدا مۇنداق دېدى: - ياق، ھەجەر ئەمەس، ئايالىڭ سارە ساڭا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىسھاق [مەنىسى «كۈلكە»] قوي. مەن ئۇنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەنمۇ مەڭگۈلۈك ئەھدەمدە چىڭ تۇرىمەن. ئىسمائىلغا كەلسەك، ئۇ توغرىسىدىكى تەلىپىڭنىمۇ ئاڭلىدىم. مەن ئۇنىڭغا بەخت ئاتا قىلىپ، ئۇنىڭ نەسلىنى ناھايىتى كۆپەيتىمەن. ئۇ ئون ئىككى پادىشاھنىڭ ئاتىسى بولىدۇ. مەن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۇلۇغ بىر مىللەتكە ئايلاندۇرىمەن. بىراق، مېنىڭ ئەھدەم بولسا كېلەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا سارە ساڭا تۇغۇپ بېرىدىغان ئوغۇل - ئىسھاق بىلەن باغلىنىشلىق. خۇدا ئىبراھىمغا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ، ئۇنىڭ يېنىدىن ئايرىلدى. مانا شۇ كۈنى، ئىبراھىم خۇدانىڭ ئەمرىگە ئەمەل قىلىپ، ئوغلى ئىسمائىل ۋە ئائىلىسىدىكى ھەممە ئەرلەرنى، جۈملىدىن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ۋە سېتىۋالغان قۇللارنى خەتنە قىلدۇردى. ئىبراھىم خەتنە قىلىنغاندا، توقسان توققۇز ياشتا، ئىسمائىل خەتنە قىلىنغاندا، ئون ئۈچ ياشتا ئىدى. كېيىن، پەرۋەردىگار مامرەدىكى دۇب دەرەخلىكىدە ئىبراھىمغا قايتا كۆرۈندى. كۈن تىكلەشكەن ۋاقىتتا، ئىبراھىم چېدىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئولتۇراتتى. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، ئۇدۇلىدا ئۈچ كىشىنىڭ ئۆرە تۇرغانلىقىنى كۆردى-دە، شۇ ھامان ئۇلارنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ يەرگە ئېڭىشىپ، تەزىم قىلىپ، ئۇلارغا: - جانابلار، ئېغىر كۆرمىسەڭلار ئۆيىمىزگە كىرىپ، مېھمان بولۇپ قايتقايسىلەر. ھەرقايسىڭلار دەرەخ سايىسىدە دەم ئېلىپ تۇرغايسىلەر، مەن پۇت-قوللىرىڭلارنى يۇيۇشقا سۇ، غىزالىنىشىڭلارغا بىرئاز يېمەكلىك ئېلىپ كېلەي. ئارام ئېلىپ، يولۇڭلارنى داۋاملاشتۇرغايسىلەر. كەلگەنلىكىڭلاردىن خۇشال بولدۇم، - دېدى. - رەھمەت، ئېيتقىنىڭىزچە بولسۇن، - دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتى ئۇلار. ئىبراھىم دەرھال چېدىرغا يۈگۈرۈپ كىرىپ، سارەگە: - دەرھال بىر خالتا ئەڭ ياخشى ئۇندىن نان پىشۇرغىن! - دېدى. ئارقىدىنلا، ئۇ يەنە كالا پادىلىرىنىڭ ئىچىگە كىرىپ، سېمىز بىر تورپاقنى تاللاپ، چاكىرىغا تاپشۇردى. ئۇ دەرھال تورپاقنى سويۇپ، تەييارلىدى. مېھمان سىياقىدىكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: - كېلەر يىلى بۇ چاغدا، مەن چوقۇم قايتىپ كېلىمەن. شۇ چاغدا، ئايالىڭ سارە بىر ئوغۇلغا ئانا بولىدۇ، - دېدى. سارە ئۇلارنىڭ كەينىدىكى چېدىر ئاغزىدا ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇراتتى. ئۇ چاغدا، ئىبراھىم بىلەن سارە ئىككىلىسى قېرىپ قالغانىدى. سارەنىڭ ئادەت كۆرۈشىمۇ توختاپ كەتكەنىدى. شۇڭا، سارە ئىچىدە كۈلۈپ، ئۆز-ئۆزىگە: «مەن قېرىپ قالدىم، ئېرىممۇ قېرىپ قالغان تۇرسا، ئەمدى ماڭا بۇنداق خۇشاللىق قەيەردىن كەلسۇن؟!» دېدى. شۇڭا، پەرۋەردىگار ئىبراھىمغا: - سارە نېمىشقا كۈلۈپ تۇرۇپ، ئۆز-ئۆزىگە: «مەن شۇنچە قېرىپ كەتكەن تۇرسام، يەنە قانداقمۇ ھامىلىدار بولالاي؟!» دەيدۇ؟ پەرۋەردىگار قىلالمايدىغان ئىش يوق ئەمەسمۇ! ئېيتقىنىمدەك، كېلەر يىلى دەل مۇشۇ چاغدا قايتىپ كېلىمەن. ئۇ چاغدا، سارە چوقۇم بىر ئوغۇلغا ئانا بولىدۇ، - دېدى. سارە قورقۇپ: - مەن كۈلمىدىم! - دەپ تاندى. - ياق، سەن راستتىنلا كۈلدۈڭ، - دېدى پەرۋەردىگار. ئەرشتىن چۈشكەن بۇ مېھمانلار ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، سودوم شەھىرى تەرەپكە يۈزلەندى. ئىبراھىممۇ ئۇلارنى ئۇزىتىش ئۈچۈن بىللە ماڭدى. پەرۋەردىگار ئۆز-ئۆزىگە مۇنداق دېدى: «مەن قىلىدىغان ئىشىمنى ئىبراھىمدىن يوشۇرسام بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى چوقۇم ئۇلۇغ ۋە كۈچ-قۇدرەتلىك بىر خەلق بولىدۇ. مەن ئۇ ئارقىلىق دۇنيادىكى ھەممە خەلقلەرگە بەخت ئاتا قىلىمەن. مەن ئۇنى ئۆز بالىلىرى ۋە ئەۋلادلىرىغا مېنىڭ يولۇمنى تۇتۇشنى، دۇرۇس ۋە ھەققانىي بولۇشنى بۇيرۇسۇن، دەپ تاللىدىم. شۇنداق قىلسا، مەنمۇ ئۇنىڭغا بەرگەن ۋەدەم بويىچە ھەممە ئىشنى قىلىپ بېرىمەن.» شۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگار: - مەن سودوم بىلەن گومورا شەھىرىدىكىلەرنىڭ ھەددىدىن ئاشقان گۇناھلىرى ئۈستىدىن قىلىنغان ئېغىر ئەرزلەرنى ئاڭلىدىم. مەن چوقۇم چۈشۈپ، ئاڭلىغانلىرىمنىڭ ئەمەلىيەت ياكى ئەمەسلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمەكچىمەن، - دېدى. ئاندىن كېيىن ئىككى كىشى سودومغا كېتىپ قالدى. بىراق، پەرۋەردىگار بولسا ئىبراھىمنىڭ قېشىدا قالدى. ئىبراھىم ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ: - سەن راستتىن دۇرۇس كىشىلەرنى گۇناھكارلار بىلەن قوشۇپ ھالاك قىلامسەن؟ ئەگەر شەھەردە ئەللىك دۇرۇس كىشى بولسا، سەن پۈتۈن شەھەرنى خاراب قىلامسەن؟ بۇ ئەللىك ئادەمنى قۇتقۇزۇۋېلىش ئۈچۈن شەھەرنى ساقلاپ قالمامسەن؟ سەن چوقۇم دۇرۇس كىشىلەرنى گۇناھكارلار بىلەن قوشۇپ يوقاتمايسەن. ھەرگىز ئۇنداق قىلمايسەن! ئۇنداق قىلساڭ، دۇرۇس كىشىلەر گۇناھكارلار بىلەن بىللە تەڭ جازاغا ئۇچرايدۇ. بۇ مۇمكىن ئەمەس! سەن پۈتۈن ئالەمنىڭ سوراقچىسىسەن! جەزمەن ئادىل ھۆكۈم چىقىرىسەن، - دېدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: - ئەگەر سودوم شەھىرىدە ئەللىك دۇرۇس كىشى تاپالىسام، ئۇلارنى دەپ پۈتۈن شەھەرنى ساقلاپ قالىمەن، - دەپ جاۋاب بەردى. ئىبراھىم يەنە مۇنداق دېدى: - ئى ئىگەم! باشلىغانىكەنمەن، داۋاملاشتۇراي. ئېغىر كۆرمىسەڭ، مەندەك بىر ئاجىز بەندەڭنىڭ يۈرەكلىك ھالدا سەندىن يەنە سورىشىغا رۇخسەت قىلغايسەن! ناۋادا شەھەردە پەقەت قىرىق بەش دۇرۇس كىشى بولسا، بەش كىشى كەم بولغانلىقى ئۈچۈن پۈتۈن شەھەرنى خاراب قىلامسەن؟ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: - ئەگەر قىرىق بەش دۇرۇس كىشى تاپالايدىغان بولسام، بۇ شەھەرنى خاراب قىلمايمەن، - دەپ جاۋاب بەردى. ئىبراھىم يەنە: - ئەگەر پەقەت قىرىق كىشى بولسىچۇ؟ - دېدى. - ئەگەر قىرىق كىشى بولسىمۇ خاراب قىلمايمەن، - دەپ جاۋاب قايتۇردى پەرۋەردىگار. ئىبراھىم يەنە: - ئى ئىگەم! خاپا بولمىساڭ، سەندىن يەنە بىرنېمە سورىماقچىمەن. مۇبادا ئوتتۇز كىشى بولسىچۇ؟ - دەپ سورىدى. - ئەگەر ئوتتۇز كىشى تېپىلسىمۇ، خاراب قىلمايمەن، - دەپ جاۋاب قايتۇردى پەرۋەردىگار. ئىبراھىم دېدى: - ئى ئىگەم! سەندىن يۈرەكلىك ھالدا يەنە سورىشىمغا رۇخسەت قىلغايسەن. مۇبادا يىگىرمە كىشى بولسىچۇ؟ - ئەگەر يىگىرمە كىشى تېپىلسا، مەن يەنىلا خاراب قىلمايمەن، - دەپ جاۋاب قايتۇردى پەرۋەردىگار. ئەڭ ئاخىرىدا ئىبراھىم: - ئى ئىگەم! خاپا بولماي، يەنە بىر قېتىم سورىشىمغا رۇخسەت قىلغايسەن! ئەگەر پەقەت ئون كىشى تېپىلسىچۇ؟ - دەپ سورىدى. - پەقەت ئون دۇرۇس كىشى بولغان تەقدىردىمۇ، مەن بۇ شەھەرنى خاراب قىلمايمەن، - دەپ جاۋاب قايتۇردى پەرۋەردىگار. پەرۋەردىگار ئىبراھىم بىلەن سۆزلىشىپ بولغاندىن كېيىن، كېتىپ قالدى. ئىبراھىم بولسا ئۆيىگە قايتىپ كەتتى. شۇ كۈنى ئاخشىمى، ھېلىقى ئىككى پەرىشتە سودومغا كەلدى. بۇ ۋاقىتتا، لۇت شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا ئولتۇراتتى. لۇت ئۇلارنى كۆرۈپلا، ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ، تەزىم قىلىپ: - جانابلار، بىزنىڭ ئۆيگە مەرھەمەت قىلىپ، داستىخىنىمغا داخىل بولغايسىلەر. پۇت-قوللىرىڭلارنى يۇيۇپ، بىرەر كېچە ھاردۇق ئېلىپ، ئەتە سەھەردە يولۇڭلارغا راۋان بولساڭلارمۇ بولار، - دېدى. لېكىن، ئۇلار: - ياق، بىز كېچىنى كوچىدا ئۆتكۈزىمىز، - دەپ جاۋاب بېرىشتى. لېكىن، لۇت بەك چىڭ تۇتۇۋالغاچقا، ئۇلار ئاخىر لۇتنىڭ ئۆيىگە باردى. لۇت خىزمەتكارلىرىغا پېتىر نان پىشۇرۇپ، تاماقلارنى مېھمانلارنىڭ ئالدىغا قويۇشنى بۇيرۇدى. تاماق تەييار بولغاندىن كېيىن، ئۇلار غىزالاندى. مېھمانلار تېخى ياتمىغانىدى، سودومدىكى پۈتۈن قېرى-ياش ئەرلەر كېلىپ لۇتنىڭ ئۆيىنى قورشىۋالدى. ئۇلار لۇتنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا: - بۈگۈن كەچتە سىلەرنىڭ ئۆيگە چۈشكەن كىشىلەر قېنى؟ ئۇلارنى ئېلىپ چىق! بىز ئۇلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلماقچىمىز، - دېدى. لۇت سىرتقا چىقىپ، ئىشىكنى تاقىۋېتىپ، ئۇلارغا: - بۇرادەرلەر، بۇنداق رەزىل ئىشنى قىلماڭلار! قاراڭلار، مېنىڭ تېخى ئەرگە تەگمىگەن ئىككى قىزىم بار. ئۇلارنى سىلەرگە چىقىرىپ بېرەي، ئۇلارنى نېمە قىلساڭلار قىلىڭلار، لېكىن بۇ ئىككى كىشىگە ھەرگىز تەگمەڭلار. ئۇلار بىزنىڭ ئۆيگە كەلگەنىكەن، مېنىڭ مېھمىنىم بولىدۇ. شۇڭا، مەن ئۇلارنى قوغدىشىم كېرەك! - دېدى. لېكىن، ئۇلار: - يوقال! سەن تېخى ياقا يۇرتتىن كېلىپ، بىزگە ئۇنى قىل، بۇنى قىل دېگۈدەك قانچىلىك ئادەم سەن؟ كۆزدىن يوقال! بولمىسا، كۆرگۈلۈكۈڭنى ئۇلاردىنمۇ ئېغىر كۆرىسەن، - دېيىشىپ، لۇتنى ئىتتىرىۋېتىپ، باستۇرۇپ كېلىپ، ئىشىكنى بۇزۇپ كىرمەكچى بولدى. لېكىن، ھېلىقى ئىككى پەرىشتە قولىنى سوزۇپ، لۇتنى ئۆينىڭ ئىچىگە ئەكىرىۋېلىپ، ئىشىكنى تاقىۋالدى. ئاندىن، تاشقىرىدىكى ئەرلەرنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىپ، ئىشىكنى تاپالمايدىغان قىلىپ قويدى. ئاندىن، ھېلىقى ئىككى پەرىشتە لۇتقا: - سېنىڭ بۇ شەھەردە باشقا تۇغقانلىرىڭ بارمۇ؟ ئوغۇل-قىزلىرىڭ، كۈيئوغۇللىرىڭ ياكى باشقا تۇغقانلىرىڭ بار بولسا، ئۇلار بۇ يەردىن دەرھال چىقىپ كەتسۇن. چۈنكى، بىز بۇ شەھەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋېتىمىز. بۇ يەر ئۈستىدىن قىلىنغان ئېغىر ئەرزلەر پەرۋەردىگارغا يەتتى. شۇڭا، ئۇ بىزنى بۇ شەھەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋېتىشكە ئەۋەتتى، - دېدى. شۇنىڭ بىلەن، لۇت تاشقىرىغا چىقىپ، قىزلىرىنىڭ لايىقلىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇلارغا: - سىلەر بۇ يەردىن دەرھال كېتىڭلار. چۈنكى، پەرۋەردىگار بۇ شەھەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋەتمەكچى، - دېدى. لېكىن، ئۇلار ئۇنى چاقچاق قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلاشتى. تاڭ ئاتقاندا، پەرىشتىلەر لۇتنى ئالدىرىتىپ: - دەرھال ئايالىڭ بىلەن ئىككى قىزىڭنى ئېلىپ، بۇ يەردىن چىقىپ كەت! بولمىسا، سىلەرمۇ بۇ شەھەر بىلەن تەڭ ھالاك بولىسىلەر، - دېدى. لۇت يەنىلا ئارىسالدى بولۇپ تۇراتتى. لېكىن، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا رەھىم قىلغاچقا، ھېلىقى ئىككى پەرىشتە لۇتنىڭ، ئايالىنىڭ ۋە ئىككى قىزىنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ، ئۇلارنى يېتەكلەپ، شەھەردىن چىقىرىپ قويدى. شەھەردىن چىقىش بىلەنلا، پەرىشتىلەردىن بىرى: - سىلەر جېنىڭلارنى ئېلىپ قېچىڭلار! كەينىڭلارغا قارىماڭلار، تاغقا يەتكۈچە تۈزلەڭلىكتە توختىماڭلار! بولمىسا، ئۆلۈپ كېتىسىلەر، - دېدى. لېكىن، لۇت: - جانابلىرى، ئۇنداق بولمىغاي! سىلەر ماڭا ئىچ ئاغرىتىپ شاپائەت قىلىپ، جېنىمنى قۇتقۇزغانىكەنسىلەر، بىزنى ئۇنچە يىراق يەرگە ئەۋەتمەڭلار. ئۇ تاغ بەك يىراق ئىكەن. بەلكىم مەن ئۇ يەرگە يېتىپ بارماي تۇرۇپلا، بالايىئاپەتكە ئۇچراپ تىرىك قالماسمەنمىكىن. ئاۋۇ كىچىك شەھەرنى كۆردۈڭلارمۇ؟ بۇ يەردىن ئانچە يىراق ئەمەس. ئۇ يەرگە قېچىشىمغا ئىجازەت بېرىڭلار. ئۇ كىچىك بىر يەر ئىكەن. مەن شۇ يەردە ئامان قالاي! - دېدى. پەرىشتە مۇنداق جاۋاب بەردى: - ماقۇل! ساڭا رۇخسەت قىلدىم. ئۇ كىچىك شەھەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرماي قوياي. چاپسانراق قاچ! چۈنكى، سەن ئۇ يەرگە يېتىپ بارمىغۇچە، سودومنى ۋەيران قىلالمايمەن! بۇ شەھەر كىچىك بولغاچقا، لۇت ئۇنى زوئار [مەنىسى «كىچىك»] دەپ ئاتىدى. لۇت زوئارغا يېتىپ بارغۇچە، كۈن چىققانىدى. تۇيۇقسىز پەرۋەردىگار سودوم بىلەن گومورا شەھەرلىرىگە ئاسماندىن ئوت بىلەن گۈڭگۈرتنى ياغدۇردى. ئۇ بۇ ئىككى شەھەرنى، پۈتۈن تۈزلەڭلىكنى ۋە پۈتۈن ئاھالىنى يەردىكى گىياھلار بىلەن قوشۇپ خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋەتتى. ئۇ چاغدا، لۇتنىڭ ئايالى كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىۋىدى، شۇ ئىسكەتىدە قېتىپ، تاشتۇزغا ئايلىنىپ قالدى. ئەتىسى تاڭ سەھەردە، ئىبراھىم پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلەشكەن يەرگە باردى. ئۇ سودوم، گومورا ۋە پۈتۈن تۈزلەڭلىككە نەزەر سېلىپ، يەر يۈزىدىن خۇمداندىكى ئىسقا ئوخشاش ئىس-تۈتەكنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆردى. بىراق، خۇدا لۇت ياشىغان تۈزلەڭلىكتىكى شەھەرلەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرغىنىدا، ئىبراھىمنىڭ تەلىپىنى ئېسىگە ئېلىپ، لۇتنى قۇتقۇزدى. لۇت زوئار شەھىرىدە تۇرۇشتىن قورقتى. شۇڭا، ئۇ ئىككى قىزىنى ئېلىپ، تاغقا چىقىپ، ئۆڭكۈردە ياشايدىغان بولدى. بىر كۈنى، چوڭ قىزى سىڭلىسىغا: - ئاتىمىز ياشىنىپ قالدى. بۇ يەردە دۇنيادىكى قائىدە-يوسۇن بويىچە بىزنى نىكاھىغا ئېلىپ، پەرزەنت تاپىدىغان ئەرمۇ قالمىدى. ئاتىمىزنى مەست قىلىپ قويۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىر ئورۇندا يېتىپ، ئۇنىڭدىن پەرزەنت يۈزى كۆرەيلى. شۇنداق قىلساق، ئەۋلاد قالدۇرالايمىز، - دېدى. ئۇ كۈنى كېچىسى، ئۇلار ئاتىسىنى مەست قىلىپ قويۇپ، چوڭ قىزى ئۇنىڭ بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى. لۇت قاتتىق مەست بولۇپ، يۈز بەرگەن ۋەقەدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز ئىدى. ئەتىسى، چوڭ قىزى سىڭلىسىغا: - تۈنۈگۈن مەن ئاتام بىلەن بىر ئورۇندا ياتتىم. بۈگۈن ئاخشام، ئۇنى يەنە مەست قىلىپ قويۇپ، سەن ئۇنىڭ بىلەن بىر ئورۇندا ياتقىن. شۇنداق قىلىپ، ھەر ئىككىمىز ئاتىمىزدىن پەرزەنت يۈزى كۆرۈپ، ئائىلىمىزنى داۋاملاشتۇرايلى، - دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ كۈنى كەچتە ئۇلار لۇتنى يەنە مەست قىلىپ قويۇپ، كىچىك قىزى ئۇنىڭ بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى. ئۇ يەنە قاتتىق مەست بولغاچقا، يۈز بەرگەن ئىشتىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز ئىدى. شۇنداق قىلىپ، لۇتنىڭ بۇ ئىككى قىزى ئۆز ئاتىسىدىن ھامىلىدار بولۇپ قالدى. چوڭ قىزى بىر ئوغۇل تۇغۇپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى موئاب [ئاھاڭ جەھەتتە «ئاتامدىن»] دەپ قويدى. ئۇ ھازىرقى موئابلىقلارنىڭ ئاتىسى بولدى. كىچىك قىزىمۇ بىر ئوغۇل تۇغۇپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى بىناممى [مەنىسى «خەلقىمنىڭ ئوغلى»] دەپ قويدى. ئۇ ھازىرقى ئاممونلۇقلارنىڭ ئاتىسى بولدى. ئىبراھىم مامرەدىن قاناننىڭ جەنۇبىدىكى نېگىب رايونىغا يۆتكىلىپ، مەلۇم ۋاقىت كادېش بىلەن شۇر ئارىلىقىدىكى يەردە ئولتۇردى. كېيىن گىراردا تۇرغان ۋاقتىدا، كىشىلەرگە ئايالى سارەنى ئۆزىنىڭ سىڭلىسى، دەپ ئېيتقانىدى. شۇڭا، گىرار پادىشاھى ئابىمەلەك سارەنى ئوردىسىغا ئەكەلدۈردى. بىر كۈنى كېچىسى، خۇدا ئابىمەلەكنىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ: - پات ئارىدا جېنىڭنى ئالىمەن! چۈنكى، سەن ئەكەلگەن بۇ ئايال باشقا كىشىنىڭ ئايالى، - دېدى. سارەگە يېقىنلاشمىغان ئابىمەلەك خۇداغا: - مەن گۇناھسىز تۇرسام، سەن مېنى ۋە مېنىڭ خەلقىمنى ھالاك قىلامسەن؟ ئىبراھىم ئۆزى بۇ ئايال مېنىڭ سىڭلىم، دېگەنغۇ! بۇ ئايالمۇ ئىبراھىمنى مېنىڭ ئاكام، دېگەن ئەمەسمۇ؟ مەن بۇ ئىشنى پاك ۋىجدانىم ۋە ئىنساپىم بىلەن قىلدىم! - دېدى. ئاندىن، خۇدا ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: - شۇنداق، سېنىڭ بۇ ئىشنى پاك ۋىجدانىڭ بىلەن قىلغانلىقىڭنى بىلىمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، مېنىڭ ئالدىمدا گۇناھ قىلىپ قويمىسۇن، دەپ سېنى سارەگە چېقىلىپ قويۇشۇڭدىن توسىدىم. ئەمدى بۇ ئايالنى ئىبراھىمغا قايتۇرۇپ بەر. ئىبراھىم بولسا - پەيغەمبەر. ئۇ ساڭا دۇئا قىلىدۇ، سەن ھايات قالىسەن. لېكىن سېنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويا يكى، ئەگەر بۇ ئايالنى ئېرىگە قايتۇرۇپ بەرمىسەڭ، پۈتۈن خەلقىڭ بىلەن قوشۇلۇپ ھالاك بولىسەن! سەھەردە، ئابىمەلەك ھەممە ئەمەلدارلىرىنى يىغىپ، يۈز بەرگەن ۋەقەنى ئۇلارغا ئېيتتى. ئۇلار ئىنتايىن قورقۇشۇپ كەتتى. ئابىمەلەك ئىبراھىمنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن: - بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ سەن مېنى ۋە مەملىكىتىمنى بۇنداق گۇناھ قىلدۇرغۇدەك، ساڭا نېمە يامانلىق قىلدىم؟ سەن ماڭا قىلمايدىغان ئىشنى قىلدىڭ. نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلدىڭ؟ - دەپ سۈرۈشتۈردى. ئىبراھىم مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: «مەن بۇ يەرنىڭ ئادەملىرىنى خۇدادىن قورقمايدۇ، مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ ئايالىمنى بۇلاپ كېتىدۇ، دەپ ئويلىغانىدىم. ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ مېنىڭ سىڭلىم ئىكەنلىكى راست، ئۇ ئاتا بىر، ئانا باشقا سىڭلىم. كېيىن، ماڭا نىكاھلاندى. خۇدا مېنى يۇرتۇمدىن ئايرىپ، باشقا يۇرتلاردا مۇساپىر بولۇشقا چىقارغاندا، مەن ئۇنىڭغا: بىز بارغانلىكى يەردە، ئۆزۈڭنىڭ چىن مۇھەببىتىڭنى ماڭا كۆرسىتىش ئۈچۈن، مېنى ˜ئاكامŒ دېگىن، دېگەنىدىم.» بۇنىڭ بىلەن، پادىشاھ ئابىمەلەك سارەنى ئىبراھىمغا قايتۇرۇپ بەردى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا قوي-كالا، ئەر قۇللار ۋە دېدەكلەرنىمۇ تەقدىم قىلدى. ئۇ ئىبراھىمغا: - قارا، پۈتۈن زېمىنىم ئالدىڭدا تۇرۇپتۇ. سەن قەيەردە تۇرۇشنى خالىساڭ، شۇ يەردە تۇرۇپ قال، - دېدى. ئۇ سارەگىمۇ: - مەن سېنىڭ پاكلىقىڭنى كۆپچىلىككە ئىسپاتلاش ئۈچۈن، «ئاكاڭ» ئىبراھىمغا مىڭ كۈمۈش تەڭگە تەقدىم قىلىمەن. بۇنىڭ بىلەن، سېنىڭ يامان ئىش قىلمىغانلىقىڭ ھەممە كىشىگە ئايان بولىدۇ، - دېدى. پەرۋەردىگار ئۆزى ۋەدە قىلغاندەك، سارەگە بەخت ئاتا قىلدى. سارە ھامىلىدار بولۇپ، ئىبراھىمنىڭ ياشىنىپ قالغان ۋاقتىدا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. بالا دەرۋەقە خۇدا بەلگىلىگەن ۋاقىتتا تۇغۇلدى. ئىبراھىم ئۇنىڭغا ئىسھاق [مەنىسى «كۈلكە»] دەپ ئات قويدى. خۇدا بۇيرۇغاندەك، ئىسھاق تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى ئىبراھىم ئۇنىڭ خەتنىسىنى قىلدى. ئىسھاق تۇغۇلغان چاغدا، ئىبراھىم يۈز ياشتا ئىدى. سارە ئۆزىگە: «خۇدا مېنى خۇرسەن قىلدى. بۇ ئىشنى ئاڭلىغانلارمۇ مەن بىلەن بىللە خۇش كۈلىدۇ! كىم سارەنى ئۆز بالىسىنى ئېمىتىشكە مۇيەسسەر بولىدۇ، دەپ ئويلىغان؟ شۇنداق بولسىمۇ، ئىبراھىمنىڭ قېرىغان ۋاقتىدا، مەن ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردىم!» دېدى. بالا ئاستا-ئاستا چوڭ بولۇپ ئەمچەكتىن ئايرىلغان كۈنى، ئىبراھىم مېھمان چاقىرىپ، چوڭ زىياپەت ئۆتكۈزۈپ بەردى. شۇ كۈنى، سارە مىسىرلىق ھەجەرنىڭ ئوغلى ئىسمائىلنىڭ ئىسھاقنى بوزەك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. شۇنىڭ بىلەن، سارە ئىبراھىمغا: - سەن بۇ دېدەك ئايالنى ئوغلى بىلەن قوشۇپ ھەيدىۋەت! چۈنكى دېدەكنىڭ ئوغلى ھەرگىز مېنىڭ ئوغلۇم ئىسھاق بىلەن مىراسقا ئورتاق بولۇپ قالماسلىقى كېرەك! - دېدى. سارەنىڭ بۇ گېپى ئىبراھىمنى ئىنتايىن قايغۇغا سالدى، چۈنكى ئىسمائىلمۇ ئۇنىڭ ئوغلى ئىدى. لېكىن، خۇدا ئىبراھىمغا: - ئىسمائىل ۋە دېدىكىڭ ھەجەرنىڭ ئىشى توغرۇلۇق قايغۇرما. سارەنىڭ دېگىنىدەك قىل. چۈنكى، مەن ساڭا ۋەدە قىلغان ئەۋلادلىرىڭ ئىسھاقتىن كېلىپ چىقىدۇ. ھەجەرنىڭ ئوغلىغا كەلسەك، مەن ئۇنىڭغىمۇ نۇرغۇن پەرزەنت بېرىمەن. ئۇلار بىر مىللەتكە ئايلىنىدۇ، چۈنكى ئۇمۇ سېنىڭ ئوغلۇڭ، - دېدى. ئەتىسى سەھەردە، ئىبراھىم ھەجەرنىڭ مۈرىسىگە نان بىلەن بىر تۇلۇم سۇنى ئېسىپ، ئانا-بالا ئىككىسىنى يولغا سېلىپ قويدى. ھەجەر بالىسى بىلەن ئۇ يەردىن چىقىپ، بەئەرشەبا چۆلىگە كېلىپ، ئۇ يەردە ئادىشىپ قالدى. بالىنىڭ يىغا ئاۋازى خۇداغا يەتتى. خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئاسماندىن ھەجەرگە: - ئەي ھەجەر، سەن نېمىگە قايغۇرىسەن؟ قورقما، بالاڭنىڭ يىغىسى خۇداغا يەتتى. ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، بالىنى قولۇڭغا ئېلىپ تەسەللى بەر. مەن ئۇنىڭ ئەۋلادىنى ئۇلۇغ بىر خەلق قىلىمەن، - دېدى. ئارقىدىنلا، خۇدا ھەجەرنىڭ كۆزلىرىنى نۇرلاندۇردى. ھەجەر بىر قۇدۇقنى كۆردى. ئۇ قۇدۇقنىڭ يېنىغا بېرىپ، تۇلۇمغا سۇ تولدۇرۇپ، بالىنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇردى. بالا چوڭ بولغۇچە، خۇدا ئۇنىڭغا يار بولدى. ئۇ چۆلدە ياشاپ، ئۇستا مەرگەن بولۇپ يېتىشتى. ئۇ پاران چۆلىدە تۇراتتى. شۇ ۋاقىتلاردا، ئانىسى ئۇنىڭغا مىسىردىن بىر قىزنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەردى. ئۇ چاغدا، ئابىمەلەك ئۆز لەشكەر بېشى فىكول بىلەن بىللە ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا: - سېنىڭ قىلغان ھەممە ئىشلىرىڭدا خۇدا ساڭا يار. شۇڭا، سەن بۇ يەردە خۇدانىڭ ئالدىدا ماڭا قەسەم قىلىپ، ۋەدە بەر: مېنى، پەرزەنتلىرىمنى ۋە ئەۋلادلىرىمنى ھەرگىز ئالدىما. مەن ئەزەلدىن ساڭا سادىق بولغاندەك، سەنمۇ ماڭا، يەنى ئۆزۈڭ مۇساپىر بولۇپ تۇرغان بۇ مەملىكەتكە سادىق بول، - دېدى. ئىبراھىم ئۇلارغا: - قەسەم قىلىپ، ۋەدە بېرىمەن، - دەپ جاۋاب بەردى. ئاندىن، ئىبراھىم ئابىمەلەكنىڭ چاكارلىرى تارتىۋالغان بىر قۇدۇق توغرىسىدا ئابىمەلەككە نارازىلىق بىلدۈردى. ئابىمەلەك: - بۇ ئىشنى كىمنىڭ قىلغىنىدىن خەۋىرىم يوق ئىكەن. سەنمۇ بۇ ئىشنى ماڭا ئېيتماپسەن، بۇنى بىرىنچى قېتىم ئاڭلىشىم، - دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئىبراھىم ئابىمەلەككە قوي-كالا تەقدىم قىلدى. ئىككىيلەن كېلىشىم تۈزدى. ئاندىن، ئىبراھىم يەتتە تۇياق چىشى قوزىنى بىر تەرەپكە ئايرىپ قويدى. ئابىمەلەك ئۇنىڭدىن: - نېمىشقا بۇنداق قىلىسەن؟ - دەپ سورىدى. ئىبراھىم ئۇنىڭغا: - بۇ قۇدۇقنى مېنىڭ كولىغانلىقىمنى ئېتىراپ قىلغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يەتتە چىشى قوزىنى قوبۇل قىلغايسىز، - دەپ جاۋاب قايتۇردى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ يەرنىڭ ئىسمى بەئەرشەبا [مەنىسى «قەسەم قۇدۇقى»] بولۇپ قالدى. چۈنكى، ئۇلار ئۇ يەردە قەسەم قىلغانىدى. ئۇلار بەئەرشەبادا كېلىشىم تۈزگەندىن كېيىن، ئابىمەلەك بىلەن فىكول ئۆيلىرىگە قايتىپ كەتتى. ئىبراھىم بەئەرشەبادا بىر تۈپ سۆگەت تىكىپ، ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا، يەنى مەڭگۈ ھايات خۇداغا ئىبادەت قىلدى. ئىبراھىم فىلىستىنلىكلەرنىڭ زېمىنىدا خېلى ئۇزۇن تۇردى. بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن، خۇدا ئىبراھىمنىڭ ئېتىقادىنى سىناپ، ئۇنى: - ئىبراھىم! - دەپ چاقىردى. ئىبراھىم: - لەببەي! - دېدى. خۇدا ئۇنىڭغا: - سەن ئوغلۇڭنى، يەنى ئامراق يالغۇز ئوغلۇڭ ئىسھاقنى ئېلىپ، مورايا رايونىغا بېرىپ، مەن كۆرسىتىدىغان تاغنىڭ ئۈستىدە ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە ماڭا ئاتىغىن، - دېدى. ئەتىسى سەھەردە، ئىبراھىم ئېشەكنى ئېگەرلەپ، ئىسھاق بىلەن ئىككى چاكىرىنى ئېلىپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىققا ئىشلىتىدىغان ئوتۇنلارنى تەييارلاپ، خۇدا كۆرسەتكەن جايغا قاراپ ماڭدى. ئۈچىنچى كۈنى، ئىبراھىم ئۇ يەرنى يىراقتىن كۆردى ۋە چاكارلىرىغا: - سىلەر ئېشەك بىلەن بۇ يەردە تۇرۇپ تۇرۇڭلار. بالام ئىككىمىز ئۇ يەرگە بېرىپ، ئىبادەت قىلىپ كېلەيلى، - دېدى. ئىبراھىم ئىسھاققا ئوتۇنلارنى كۆتۈرتۈپ، ئۆزى قولىغا پىچاق بىلەن ئوت ئېلىپ، ئىسھاق بىلەن يۈرۈپ كەتتى. ئىسھاق: - ئاتا، - دەپ چاقىردى. ئىبراھىم: - ھە، ئوغلۇم؟ - دېدى. - ئوت بىلەن ئوتۇن بار، لېكىن كۆيدۈرمە قۇربانلىققا ئىشلىتىلىدىغان قوزا قېنى؟ - دەپ سورىدى ئىسھاق. ئىبراھىم ئۇنىڭغا: - ئەي ئوغلۇم! قۇربانلىق قىلىدىغان قوزىنى خۇدا ئۆزى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، - دەپ جاۋاب بەردى. ئىككىيلەن توختىماي مېڭىۋەردى. ئۇلار خۇدا ئىبراھىمغا كۆرسەتكەن جايغا كەلگەندە، ئىبراھىم قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئوتۇنلارنى ئۈستىگە قويۇپ، ئۆز ئوغلىنى باغلاپ، ئوتۇن دۆۋىلەنگەن سۇپىغا ياتقۇزدى. ئاندىن، ئوغلىنى بوغۇزلاش ئۈچۈن پىچاقنى كۆتۈردى. بىراق، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئەرشتىن: - ئىبراھىم! ئىبراھىم! - دەپ، ۋاقىرىدى. - لەببەي! - دېدى ئۇ. پەرىشتە ئۇنىڭغا: - قولۇڭنى تارت! بالىغا چېقىلما! سېنىڭ ماڭا بولغان ئىخلاسمەنلىكىڭنى ئەمدى كۆردۈم. چۈنكى، سەن ئۆز ئوغلۇڭنى، يەنى بىر تال ئوغلۇڭنىمۇ مەندىن ئايىمىدىڭ، - دېدى. ئىبراھىم ئەتراپىغا قارىۋىدى، مۈڭگۈزى چاتقالغا ئېلىشىپ قالغان بىر قوچقار ئۇنىڭ كۆزىگە چېلىقتى. ئۇ بېرىپ قوچقارنى يېشىپ، ئۇنى ئۆز ئوغلىنىڭ ئورنىدا قۇربانلىق قىلىپ كۆيدۈرۈۋەتتى. شۇڭا، ئىبراھىم ئۇ يەرنى ياھۋە-يىرەھ [مەنىسى «پەرۋەردىگار تەمىنلەيدۇ»] دەپ ئاتىدى. ھازىرغا قەدەر كىشىلەر «پەرۋەردىگار ئۆز تېغىدا تەمىنلەيدۇ» دېيىشىدۇ. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىككىنچى قېتىم ئاسماندىن ئىبراھىمغا: - پەرۋەردىگار دەيدۇكى: «سەن سۆيۈملۈك بىر تال ئوغلۇڭنى ئايىمىغانىكەنسەن، مەن ئۆز نامىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ساڭا بەخت ئاتا قىلىش بىلەن، نۇرغۇن ئەۋلادلارنى بېرىمەن. ئۇلارنىڭ سانى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك، دېڭىز ساھىللىرىدىكى قۇمدەك كۆپ بولىدۇ. سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ دۈشمەن شەھەرلىرىنى ئىشغال قىلىدۇ. مېنىڭ ئەمرىمگە ئىتائەت قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى ھەممە خەلقلەر بەختكە ئېرىشىدۇ» - دېدى. ئىبراھىم چاكارلىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن بىللە ئۆزى ئولتۇراقلاشقان يەرگە، يەنى بەئەرشەباغا قايتتى. بىر مەزگىلدىن كېيىن، ئىبراھىم ئىنىسى ناھورنىڭ ئايالى مىلكانىڭ ئېرىگە سەككىز ئوغۇل تۇغۇپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلىدى. ئۇلار: تۇنجى ئوغۇل ئۇز، كەينىدىكىلىرى بۇز، ئارراملىقلارنىڭ ئاتىسى بولغان كەمۇئېل، كەسەد، ھازو، پىلداش، يىدلاف ۋە بېتۇئېل ئىدى. بېتۇئېل بولسا رىبەقانىڭ ئاتىسى بولدى. مىلكا ئىبراھىمنىڭ ئىنىسى ناھورغا بۇ سەككىز ئوغۇلنى تۇغۇپ بەردى. ناھورنىڭ كىچىك خوتۇنى رەئۇمامۇ تۆت ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. ئۇلار: تېباھ، گاھام، تاخاش ۋە مائاكاھ ئىدى. سارە يۈز يىگىرمە يەتتە ياش ئۆمۈر كۆردى. ئۇ قاناننىڭ كىرىئات-ئاربا، يەنى ھىبرون دېگەن جايىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئىبراھىم ئۇنىڭغا ھەسرەت بىلەن يىغا-زار قىلدى. ئىبراھىم ئايالىنىڭ جەسىتىنىڭ يېنىدىن چىقىپ، خىتلارنىڭ يېنىغا كېلىپ: - مەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بىر مۇساپىر. ئايالىمنى دەپنە قىلىش ئۈچۈن ماڭا بىر پارچە يەر سېتىپ بەرگەيسىلەر، - دېدى. ئىبراھىم ئۇلارغا تەزىم قىلىپ: - ئەگەر سىلەر ئايالىمنى بۇ يەرگە دەپنە قىلىشىمغا رازى بولساڭلار، سوخارنىڭ ئوغلى ئەفروندىن ماكپېلاھ يېزىسىدىكى ئۆڭكۈرنى ماڭا سېتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغايسىلەر. ئۇ ئۆڭكۈر ئۇنىڭ ئېتىزىنىڭ چېتىدە. ئۇ سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ئۆڭكۈرنىڭ باھاسىنى كېسىپ بەرسە، ئۇ يەرنى سېتىۋېلىپ ئائىلەمگە قەبرىستانلىق قىلاي دەيمەن، - دېدى. باشقا خىتلار بىلەن بىللە شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان ئەفرون كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا: - جانابلىرى، قۇلاق سالغايلا، مەن ئېتىزنى ئۆڭكۈر بىلەن قوشۇپ سىلىگە بەردىم. كۆپچىلىك ئالدىدا ئۇنى سىلىگە سوۋغات قىلدىم. ئاياللىرىنى ئۇ يەرگە دەپنە قىلغايلا، - دەپ جاۋاب بەردى. لېكىن، ئىبراھىم خىتلارنىڭ ئالدىدا تەزىم قىلىپ، ھەممە ئادەمگە ئاڭلىتىپ، ئەفرونغا: - سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ، پۇل تۆلىشىمنى قوبۇل قىلغايسىز. ئايالىمنى ئۇ يەرگە دەپنە قىلماقچىمەن، - دېدى. ئەفرون جاۋاب قايتۇرۇپ: - جانابلىرى، ئۇ يەر ئاران تۆت يۈز كۈمۈش تەڭگىگە ئەرزىيدۇ. سىلى بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا بۇ نېمە ئىدى! ئاياللىرىنى ئۇ يەرگە دەپنە قىلىۋەرگەيلا، - دېدى. ئىبراھىم ئەفروننىڭ كۆپچىلىك ئالدىدا ئېيتقىنى بويىچە ئۇنىڭغا تۆت يۈز تەڭگە تۆلەپ بەردى. شۇنداق قىلىپ، ئەفرون مامرەنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى ماكپېلاھ يېزىسىدىكى ئۇ يەرنى ئىبراھىمنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. ئۇ يەر ئېتىزلىق، ئېتىزلىقتىكى ئۆڭكۈر ۋە ئېتىزلىق ئەتراپىدىكى دەل-دەرەخلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا توپلانغان خىتلارنىڭ ھەممىسى بۇ يەرنىڭ ئەمدى ئىبراھىمغا مەنسۇپ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. شۇنداق قىلىپ، ئىبراھىم ئايالى سارەنى قاناندىكى شۇ ئۆڭكۈرگە دەپنە قىلدى. خىتلارغا مەنسۇپ بولغان بۇ ئېتىز ۋە ئېتىزلىقتىكى ئۆڭكۈر ئەمدى ئىبراھىمنىڭ قەبرىستانلىقى بولۇپ، ئۇنىڭ خۇسۇسىي مۈلكىگە ئايلاندى. ئىبراھىم قېرىپ كەتكەنىدى، پەرۋەردىگار ھەرقانداق ئىشتا ئۇنىڭغا بەخت ئاتا قىلىپ كەلدى. مەلۇم بىر كۈنى، ئۇ ئائىلىسىدىكى غوجىدارغا: - قولۇڭنى يوتامنىڭ ئاستىغا قويۇپ تۇرۇپ، پەرۋەردىگار، يەنى پۈتۈن ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان خۇدانىڭ ئالدىدا قەسەم قىلىپ، ئوغلۇم ئىسھاقنى بۇ يەردىكى ئىمانسىز قانانلىقلاردىن ئۆيلەندۈرمەي، چوقۇم يۇرتۇمغا بېرىپ، تۇغقانلىرىم ئارىسىدىن بىر قىز ئېلىپ بېرىدىغانغا ۋەدە بەرگىن، - دېدى. لېكىن، چاكار ئۇنىڭدىن: - ئەگەر ئۇ قىز ئۆز يۇرتىدىن بۇ يەرگە كەلگىلى ئۇنىمىسىچۇ؟ ئۇ چاغدا، ئوغلىڭىزنى ئېلىپ يۇرتىڭىزغا قايتىپ كېتەمدىم؟ - دەپ سورىدى. ئىبراھىم مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئوغلۇمنى ھەرگىز ئۇ يەرگە ئاپارما! پەرۋەردىگار، يەنى ئەرشتىكى خۇدا مېنى يۇرت ۋە ئۇرۇق-جەمەتىمدىن ئايرىپ، بۇ زېمىننى ئەۋلادلىرىمغا تەقدىم قىلىشقا قەسەم قىلىپ ۋەدە بەرگەن. شۇڭا، ئۇ ئۆز پەرىشتىسىنى سېنىڭ ئالدىڭغا ئەۋەتىپ، ئوغلۇمغا ئۇ يەردىن بىر قىز تېپىشىڭغا ياردەم قىلىدۇ. مۇبادا ئۇ قىز سەن بىلەن كېلىشكە ئۇنىمىسا، بۇ قەسەمدىن خالىي بولىسەن. لېكىن، ئوغلۇمنى ھەرگىز ئۇ يەرگە ئاپارمىغىن! بۇنىڭ بىلەن، ھېلىقى چاكار قولىنى خوجايىنى ئىبراھىمنىڭ ئىككى يوتىسىنىڭ ئاستىغا قويۇپ تۇرۇپ، ئىبراھىمنىڭ تاپشۇرۇقىنى بەجا كەلتۈرۈشكە قەسەم بەردى. چاكار خوجايىنىنىڭ تۆگىلىرىدىن ئوننى تاللاپ، ئۇلارغا ھەر خىل قىممەت باھالىق سوۋغاتلارنى ئارتىپ، يولغا چىقتى. ئۇلار ئاررام-ناھارائىم رايونىغا بېرىپ، ناھور تۇرغان شەھەرگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، شەھەرنىڭ سىرتىدىكى بىر قۇدۇقنىڭ يېنىدا تۆگىلەرنى چۆكتۈردى. بۇ، كۈن پېتىپ قالغان چاغ بولۇپ، قىزلار قۇدۇققا سۇ ئالغىلى چىقىدىغان ۋاقىت ئىدى. چاكار مۇنداق دەپ دۇئا قىلدى: - ئى پەرۋەردىگار! سەن خوجايىنىم ئىبراھىم ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداسەن. خوجايىنىمغا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، ئىشىمنى ئوڭ قىلغايسەن. مەن ھازىر قۇدۇق يېنىدا تۇرىمەن. شەھەر قىزلىرى بۇ يەرگە سۇغا كېلىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ بىرىگە: «كومزىكىڭىزدىكى سۇدىن ئىچىۋالسام قانداق؟» دەيمەن. ئەگەر ئۇ: «ئىچىڭ! تۆگىلىرىڭىزگىمۇ سۇ ئەكېلىپ بېرەي» دېسە، بۇ قىز خىزمەتكارىڭ ئىسھاققا تاللاپ بەرگىنىڭ بولسۇن. بۇنىڭدىن سېنىڭ خوجايىنىمغا مېھرىبانلىق قىلغانلىقىڭنى بىلەلەيمەن. ئۇنىڭ دۇئاسى ئاياغلاشمايلا، رىبەقا كومزىكىنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ، قۇدۇقنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇ بېتۇئېلنىڭ قىزى ئىدى. بېتۇئېل بولسا ئىبراھىمنىڭ ئىنىسى ناھور بىلەن ئۇنىڭ ئايالى مىلكانىڭ ئوغلىدۇر. رىبەقا تېخى يۈزى ئېچىلمىغان، ئىنتايىن چىرايلىق، پاك قىز ئىدى. ئۇ قۇدۇقنىڭ يېنىغا بېرىپ، كومزىكىگە سۇ تارتىپ چىقتى. ئىبراھىمنىڭ چاكىرى قىزنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن: - ماڭا سۈيىڭىزدىن ئازراق بەرسىڭىزچۇ، - دەپ سورىدى. قىز ئۇنىڭغا: - مانا، ئىچىڭ، - دەپلا، دەرھال مۈرىسىدىكى كومزەكنى قولىغا ئېلىپ، ھېلىقى چاكارغا بەردى. چاكار سۇنى ئىچىپ بولۇشىغا، رىبەقا ئۇنىڭغا: - تۆگىلىرىڭىزگىمۇ سۇ ئەكېلىپ بېرەي، ئۇلارمۇ ئىچىپ قانسۇن، - دېدى. رىبەقا دەرھال كومزەكتىكى سۇنى ئوقۇرغا قۇيغاندىن كېيىن، يەنە يۈگۈرۈپ بېرىپ قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ كېلىپ، ھەممە تۆگىلەرنى قانغۇدەك سۇغىرىپ بەردى. چاكار پەرۋەردىگار يولىنى ئوچۇق قىلغان-قىلمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، جىمجىت كۆزىتىپ تۇردى. تۆگىلەر سۇنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ بەش يېرىم گراملىق ئالتۇن ھالقىنى قىزنىڭ بۇرنىغا، ۋە يەنە يىگىرمە ئۈچ گراملىق بىر جۈپ ئالتۇن بىلەزۈكنى بىلىكىگە سېلىپ قويدى. ئاندىن: - سىز كىمنىڭ قىزى بولىسىز؟ سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلاردا بىز قونغۇدەك يەر بارمۇ؟ - دەپ سورىدى. قىز ئۇنىڭغا: - ناھور بىلەن مىلكانىڭ ئوغلى بېتۇئېلنىڭ قىزى بولىمەن. بىزنىڭ ئۆيدە سىلەر قونغۇدەك يەر بار ھەمدە ماللىرىڭلارغا يەم-خەشەكمۇ كەڭرى، - دەپ جاۋاب بەردى. بۇنىڭ بىلەن، ھېلىقى چاكار سەجدە قىلىپ، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىپ، مۇنداق دېدى: - پەرۋەردىگار - خوجايىنىم ئىبراھىم ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا مەدھىيىلەر ئوقۇلسۇن! ئۇ خوجايىنىمغا مېھرىبانلىق كۆرسىتىپ ۋە قىلغان ۋەدىسىگە سادىق بولۇپ، مېنى ئۇدۇل خوجايىنىمنىڭ ئۆز تۇغقىنىنىڭ يېنىغا باشلىدى. ھېلىقى قىز ئانىسىنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، يۈز بەرگەن پۈتۈن ئىشنى ئائىلىسىدىكىلەرگە سۆزلەپ بەردى. رىبەقانىڭ لابان ئىسىملىك بىر ئاكىسى بار ئىدى. ئۇ يۈگۈرۈپ چىقىپ، قۇدۇقنىڭ يېنىدىكى ئىبراھىمنىڭ چاكىرىنىڭ يېنىغا باردى. ئۇ سىڭلىسىنىڭ ھالقا ۋە بىلەزۈك سېلىۋالغىنىنى كۆرگەن ۋە سىڭلىسىدىن چاكارنىڭ دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلىغانىدى. ئۇ قۇدۇقنىڭ تۈۋىدە تۆگىلەرنىڭ يېنىدا تۇرغان ئىبراھىمنىڭ چاكىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: - پەرۋەردىگار بەختلىك قىلغان ئادەم، نېمىشقا تاشقىرىدا تۇرىسىز؟ مەن بىلەن يۈرۈڭ، ئۆيگە بارايلى! مەن سىلەرگە ئۆي تەييارلاپ قويدۇم، تۆگىلەرگىمۇ جاي تەييارلاپ قويدۇم، - دېدى. ئۇ ئۆيگە كىردى. لابان بولسا تۆگىلەردىكى ماللارنى چۈشۈرۈپ، ئۇلارغا چۆپ سالدى. ئاندىن، ئىبراھىمنىڭ بۇ چاكىرى ۋە ھەمراھلىرىغا پۇت-قوللىرىنى يۇغىلى سۇ ئېلىپ كەلدى. تاماقلار كەلتۈرۈلگەندە، چاكار: - مەن سىزگە دەيدىغىنىمنى دەپ بولمىغۇچە غىزالانمايمەن، - دېدى. - قېنى، گېپىڭىزنى ئېيتىڭ، - دېدى لابان. ئۇ مۇنداق دېدى: - مەن ئىبراھىمنىڭ چاكىرى. پەرۋەردىگار خوجايىنىمغا كۆپتىن-كۆپ بەرىكەت ئاتا قىلىپ، ئۇنى ئىنتايىن باي قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا قوي-كالا پادىلىرى، ئالتۇن-كۈمۈش، ئەر-ئايال قۇللار، تۆگە ۋە ئېشەكلەرنى بەردى. خوجايىنىمنىڭ ئايالى سارە ياشانغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەرگەنىدى. خوجايىنىم پۈتۈن بايلىقىنى شۇ ئوغلىغا ئاتىدى. خوجايىنىم ئۆز تاپشۇرۇقلىرىغا ئەمەل قىلىشىم ئۈچۈن، مېنى قەسەم قىلدۇردى. ئۇ: «سەن ئوغلۇمنى بۇ يەردىكى قانانلىقلار ئارىسىدىن ئۆيلەندۈرمەي، مېنىڭ يۇرتۇمغا بېرىپ، ئۇنى ئۆز تۇغقانلىرىم ئارىسىدىن ئۆيلەپ قوي» دېگەنىدى. مەن خوجايىنىمدىن: «ئەگەر قىز بۇ يەرگە كەلگىلى ئۇنىمىسا، قانداق قىلىمەن؟» دەپ سورىسام، ئۇ: «مەن خىزمىتىدە بولۇپ كەلگەن پەرۋەردىگار پەرىشتىسىنى سېنىڭ ئالدىڭغا ئەۋەتىدۇ. ئۇ سېنىڭ ئىشىڭنى ئوڭ قىلىدۇ. سەن ئوغلۇمغا ئۆز يۇرتۇمدىكى تۇغقانلىرىم ئارىسىدىن خوتۇن ئېلىپ بەر. سەن تۇغقانلىرىمنىڭ ئۆيىگە بارساڭلا، ئۇلار قىزىنى بەرمىگەن تەقدىردىمۇ، قەسەمدىن يەنىلا خالىي بولغان بولىسەن» دېگەنىدى. بۈگۈن مەن قۇدۇق يېنىغا كەلگىنىمدە، خۇداغا دۇئا قىلىپ: «ئى پەرۋەردىگار - خوجايىنىم ئىبراھىم ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، ئىشىمنى ئوڭ قىلغايسەن. مەن ھازىر قۇدۇق يېنىدا تۇرىمەن. بىرەر قىز بۇ يەرگە سۇغا كەلسە، مەن ئۇنىڭدىن: ˜كومزىكىڭىزدىكى سۇدىن ئازراق ئىچىۋالسام بولامدۇ؟Œ دەپ سورايمەن. ئەگەر ئۇ قىز قوشۇلسا ۋە تۆگىلىرىمگىمۇ سۇ ئەكېلىپ بەرسە، ئۇ سەن خوجايىنىمنىڭ ئوغلىغا تاللاپ قويغان قىز بولسۇن» دېدىم. دۇئايىم ئاياغلاشمايلا، رىبەقا كومزىكىنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ، قۇدۇقنىڭ يېنىغا سۇ ئالغىلى كەلدى. مەن ئۇنىڭغا: «سۈيىڭىزدىن ئازراق ئىچىۋالسام بولامدۇ؟» دېگەنىدىم. ئۇ دەرھال مۈرىسىدىكى كومزەكنى قولىغا ئېلىپ: «مانا، ئىچىڭ! تۆگىلىرىڭىزگىمۇ سۇ ئەكېلىپ بېرەي» دېدى. سۇنى ئىچتىم، ئۇ تۆگىلەرگىمۇ سۇ ئەكېلىپ بەردى. ئاندىن، مەن ئۇنىڭدىن: «سىز كىمنىڭ قىزى بولىسىز؟» دەپ سورىۋىدىم، ئۇ: «ناھور بىلەن مىلكانىڭ ئوغلى بېتۇئېلنىڭ قىزى بولىمەن» دېدى. شۇڭا، مەن ئۇنىڭ بۇرنىغا ھالقا، قوللىرىغا بىلەزۈك سېلىپ قويدۇم. شۇ ۋاقىتتا، سەجدە قىلىپ، خوجايىنىم ئىبراھىم ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا مەدھىيە ئوقۇپ، ئىبادەت قىلدىم. چۈنكى، ئۇ مېنى ئۇدۇل خوجايىنىمنىڭ ئۆز تۇغقىنىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ قىزىنى خوجايىنىمغا كېلىنلىككە تېپىشىمغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەنىدى. ئەمدى سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ خوجايىنىمغا سادىقلىق ۋە مېھىر-شەپقەت كۆرسەتمەكچى بولغانلىقىڭلارنى ياكى ئۇنداق قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىڭلارنى ماڭا ئېيتىڭلار. بۇنىڭدىن مەن قانداق قىلىشىمنى بىلەلەيمەن. لابان بىلەن بېتۇئېل چاكارغا: - بۇ ئىش پەرۋەردىگارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىكەن، بىز نېمە دېيەلەيمىز؟ مانا رىبەقا، ئۇنى ئېلىپ كەتسىڭىز بولىدۇ. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئورۇنلاشتۇرغىنىدەك، خوجايىنىڭىزنىڭ كېلىنى بولسۇن، - دەپ جاۋاب بەردى. ئىبراھىمنىڭ چاكىرى بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، سەجدە قىلىپ، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى. ئارقىدىن، ئۇ كىيىم-كېچەك، ئالتۇن ۋە كۈمۈشتىن ياسالغان زىبۇزىننەت بۇيۇملىرىنى چىقىرىپ، رىبەقاغا سۇندى. ئۇنىڭ ئاكىسى بىلەن ئانىسىغىمۇ قىممەت باھالىق سوۋغاتلارنى سوۋغا قىلدى. شۇنداق قىلىپ، ئىبراھىمنىڭ چاكىرى ھەمراھلىرى بىلەن بىللە يەپ-ئىچىپ، ئۇ يەردە بىر كېچە قوندى. ئەتىسى سەھەر تۇرۇپ، رىبەقانىڭ ئۆيىدىكىلىرىگە: - خوجايىنىمنىڭ يېنىغا قايتىشىمغا رۇخسەت قىلغايسىلەر، - دېدى. لېكىن، رىبەقانىڭ ئاكىسى بىلەن ئانىسى ئۇنىڭغا: - رىبەقا بىز بىلەن ئون كۈنچە تۇرۇپ، ئاندىن كېيىن بارسۇن، - دېدى. لېكىن، ئۇ: - بىزنى كېچىكتۈرمىگەيسىلەر. پەرۋەردىگار ھەممە ئىشىمىزنى ئوڭۇشلۇق قىلغانىكەن، خوجايىنىمنىڭ يېنىغا قايتىشىمغا رۇخسەت قىلغايسىلەر، - دېدى. - بىز قىزدىن سوراپ كۆرەيلى، ئۇ نېمە دەيدىكەن، - دەپ جاۋاب بېرىشتى ئۇلار. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار رىبەقانى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن: - سەن بۇ كىشى بىلەن كېتىشنى خالامسەن؟ - دەپ سورىدى. - خالايمەن، - دەپ جاۋاب بەردى ئۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار رىبەقانى ئۇنىڭ ئىنىكئانىسى، ئىبراھىمنىڭ چاكىرى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن قوشۇپ يولغا سالدى. ئۇلار رىبەقاغا بەخت تىلەپ، مۇنداق دۇئا قىلدى: «ئەي سىڭلىمىز، مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان ئىنسانلارنىڭ ئانىسى بولغايسەن! ئەۋلادلىرىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ شەھەرلىرىنى ئىشغال قىلىۋالغاي!» دېيىشتى. رىبەقا ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولىدىغان دېدەكلەر سەپەرگە تەييارلىنىپ، تۆگىلەرگە مىندى. ئىبراھىمنىڭ چاكىرى رىبەقانى ئېلىپ، يولغا راۋان بولدى. شۇ ۋاقىتتا، ئىسھاق بېئېر-لاھايروي دېگەن يەردىن ئايرىلىپ، ئۆزى ئولتۇرۇۋاتقان قاناننىڭ جەنۇبىدىكى نېگىب رايونىغا قايتىپ كەلدى. بىر كۈنى كۈن پېتىش ۋاقتىدا ئۇ دالادا خۇدانى چوڭقۇر سېغىنىپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، تۆگە كارۋىنىنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. چاكار ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ئىسھاققا بىر-بىرلەپ سۆزلەپ بەردى. ئىسھاق رىبەقانى ئانىسى سارە ھايات ۋاقتىدا تۇرغان چېدىرغا باشلاپ كىرىپ، نىكاھىغا ئالدى. ئانىسى ۋاپات بولغان بولسىمۇ، ئۇ رىبەقانىڭ مۇھەببىتىدىن ئۆزىگە تەسەللى تاپتى. ئىبراھىم كەتۇراھ ئىسىملىك يەنە بىر ئايالنى كىچىك خوتۇنلۇققا ئالدى. ئۇ ئىبراھىمغا زىمران، يوقشان، مېدان، مىدىيان، ئىشباك ۋە شۇئاختىن ئىبارەت ئالتە ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. يوقشان - شىبا بىلەن دەداننىڭ ئاتىسى بولدى. دەداننىڭ ئەۋلادلىرى ئاشۇرىم، لەتۇشىم ۋە لەئۇممىم خەلقلىرى بولدى. مىدىياننىڭ ئوغۇللىرى ئەفا، ئەفەر، ھانۇخ، ئابىداھ ۋە ئېلدالار ئىدى. يۇقىرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى كەتۇراھتىن دۇنياغا كەلگەن ئەۋلادلار ئىدى. ئىبراھىم پۈتۈن مال-مۈلۈكلىرىنى ئىسھاققا ئاتىۋەتكەنىدى. لېكىن، ئۇ ئۆزى ھايات ۋاقتىدا ئىككى كىچىك خوتۇندىن بولغان ئوغۇللىرىغىمۇ سوۋغاتلارنى بېرىپ، ئاندىن بۇ ئوغۇللىرىنى ئىسھاقتىن يىراق تۇرسۇن دەپ، شەرقىي زېمىنغا ئەۋەتتى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئىسھاق بىلەن ئىسمائىل ئۇنى ماكپېلاھ يېزىسىدىكى ئۆڭكۈرگە دەپنە قىلدى. بۇ ئۆڭكۈر مامرە دېگەن يەرگە يېقىن بولۇپ، بۇرۇن خىت قەبىلىسىدىن بولغان سوخارنىڭ ئوغلى ئەفروننىڭ ئېتىزلىقى ئىدى. ئىبراھىم خىتلاردىن سېتىۋالغان ئېتىزلىق دەل شۇ ئىدى. ئىبراھىمنىڭ ئايالى سارەمۇ مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغانىدى. ئىبراھىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن، خۇدا ئۇنىڭ ئوغلى ئىسھاققا بەخت ئاتا قىلدى. ئىسھاق شۇ ۋاقىتتا بېئېر-لاھايروي دەپ ئاتالغان قۇدۇقنىڭ يېنىدىكى جايدا تۇرۇۋاتاتتى. سارەنىڭ دېدىكى مىسىرلىق ھەجەر ئىبراھىمغا تۇغۇپ بەرگەن ئىسمائىلنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: ئالدى بىلەن تۇنجى ئوغلى نېبايوت، ئاندىن كېيىن قالغان ئوغۇللىرى كەدار، ئادبەئەل، مىبسام، مىشما، دۇما، ماسسا، خاداد، تەما، يەتۇر، نافىش ۋە قەدەما تۇغۇلدى. ئۇلار ئون ئىككى قەبىلىنىڭ باشلىقلىرى بولۇپ، ئۇلار ياشىغان يېزا ۋە قىشلاقلار ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى بىلەن ئاتالدى. ئىسمائىل يۈز ئوتتۇز يەتتە يېشىدا ئەجدادلىرىنىڭ قېشىغا كەتتى. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئولتۇراقلاشقان جاي ھاۋىلاھ رايونىدىن شۇر دېگەن يەرگە قەدەر ئىدى. شۇر مىسىرنىڭ شەرقىي تەرىپىدە بولۇپ، ئاسسۇرغا بارىدىغان يولدا ئىدى. ئۇلار ئىبراھىمنىڭ باشقا ئەۋلادلىرى بىلەن چىقىشالمىدى. ئىبراھىمنىڭ ئوغلى ئىسھاقنىڭ ئىش-ئىزلىرى تۆۋەندىكىچە: ئىسھاق قىرىق يېشىدا رىبەقاغا ئۆيلەندى. رىبەقا بولسا پاددان-ئاررامنىڭ ئارران دېگەن يېرىدىن بولغان بېتۇئېلنىڭ قىزى ۋە لاباننىڭ سىڭلىسى ئىدى. رىبەقا پەرزەنت كۆرمىگەنلىكى سەۋەبىدىن، ئىسھاق ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلىپ، رىبەقا ھامىلىدار بولدى. بالا قوشكېزەك بولۇپ، ئۇلار تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى، ئانىسىنىڭ قورسىقىدا قاتتىق سوقۇشتى. رىبەقا: «ماڭا نېمە بولغىنى؟» دەپ پەرۋەردىگاردىن سورىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «سېنىڭ قورسىقىڭدىن ئىككى خەلق چىقىدۇ. تۇغۇلۇپلا ئايرىم بولىدۇ. بىرى يەنە بىرىدىن كۈچلۈك بولۇپ، چوڭى كىچىكىگە خىزمەت قىلىدۇ.» ئۇنىڭ ئاي-كۈنى توشۇپ، قوشكېزەك تۇغدى. ئاۋۋال تۇغۇلغىنى قىزغۇچ بولۇپ، پۈتۈن بەدىنى ھايۋاننىڭكىدەك تۈكلۈك ئىدى. شۇڭا، ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەساۋ [مەنىسى «تۈكلۈك»] دەپ قويدى. كېيىن تۇغۇلغىنىنىڭ قولى ئەساۋنىڭ تاپىنىنى چىڭ تۇتۇۋالغانلىقى ئۈچۈن، ئىسمىنى ياقۇپ [مەنىسى «تاپىنىغا ئېسىلىۋالغۇچى»] دەپ قويدى. ئۇلار تۇغۇلغاندا، ئىسھاق ئاتمىش ياشقا كىرگەنىدى. ئىككى بالا چوڭ بولدى. ئەساۋ ئۇستا ئوۋچى بولۇپ، دالادا يۈرۈشنى ياخشى كۆرەتتى. لېكىن، ئىنىسى ياقۇپ جىمجىت يۈرىدىغان ئادەم بولۇپ، ھەمىشە ئۆيدە تۇراتتى. ئىسھاق ئەساۋنى ياخشى كۆرەتتى. چۈنكى، ئۇ ئەساۋ ئوۋلاپ كەلگەن ئوۋ گۆشىگە ئامراق ئىدى. رىبەقا بولسا ياقۇپنى ياخشى كۆرەتتى. بىر كۈنى، ياقۇپ قىزىل پۇرچاق شورپىسى قاينىتىۋاتاتتى. ئوۋدىن ئېچىرقاپ قايتىپ كەلگەن ئەساۋ ياقۇپقا: - قورسىقىم بەك ئېچىپ كەتتى. قىزىل پۇرچاق شورپىسىدىن تېزرەك بەرسەڭچۇ! - دېدى. شۇ سەۋەبتىن، ئۇ ئىدوم [مەنىسى «قىزىل»] دەپمۇ ئاتالدى. ياقۇپ ئۇنىڭغا: - تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقۇڭنى ماڭا ئۆتۈنسەڭ، ساڭا بۇ شورپىدىن بېرەي، - دەپ جاۋاب قايتۇردى. - بولدى! بولدى! قورسىقىم ئېچىپ ئۆلەي دەپ قالدىم. تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقىنىڭ ماڭا نېمە كېرىكى؟ - دېدى ئەساۋ. ياقۇپ ئۇنىڭغا: - سەن ئاۋۋال مېنىڭ ئالدىمدا تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقۇڭنى ماڭا ئۆتۈنگەنلىكىڭگە قەسەم قىلىپ بەر، - دېدى. ئەساۋ قەسەم قىلىپ، تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقىنى ياقۇپقا ئۆتۈنۈپ بەردى. ئاندىن، ياقۇپ ئۇنىڭغا نان بىلەن پۇرچاق شورپىسىنى بەردى. ئەساۋ غىزالانغاندىن كېيىن، ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىپ كەتتى. بۇ ئۇنىڭ تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقىغا ئېتىبارسىز قارىغانلىقىدىندۇر. ئىبراھىمنىڭ زامانىدا، قاناندا بىر قېتىم ئاچارچىلىق يۈز بەرگەنىدى. كېيىن، يەنە بىر قېتىم ئاچارچىلىق بولدى. ئىسھاق گىرار شەھىرىدىكى فىلىستىنلىكلەرنىڭ پادىشاھى ئابىمەلەكنىڭ ئالدىغا باردى. پەرۋەردىگار ئىسھاققا كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: - سەن مىسىرغا بارماي، مەن تۇر دېگەن جايدا تۇرۇپ قال. سەن بۇ يەردە تۇرساڭ، مەن ساڭا يار بولىمەن ھەمدە سېنى بەختلىك قىلىمەن. مەن بۇ زېمىننى ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا تەقدىم قىلىمەن. ئاتاڭ ئىبراھىم بىلەن تۈزگەن ئەھدەمدە چىڭ تۇرىمەن. مەن ساڭا ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك نۇرغۇن ئەۋلاد بېرىمەن ھەمدە بۇ پۈتكۈل زېمىننى ئۇلارغا تەقدىم قىلىمەن. سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل خەلقلەر بەخت تاپىدۇ. چۈنكى، ئىبراھىم ماڭا ئىتائەت قىلىپ، پۈتۈن قانۇن ۋە ئەمر-پەرمانلىرىمغا رىئايە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئىسھاق گىراردا تۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئايالى رىبەقا ئىنتايىن گۈزەل ئىدى. يەرلىك كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئايالى رىبەقانى كىم دەپ سورىسا، ئۇ ئۇنى ئۆز سىڭلىم، دېدى. چۈنكى، ئۇ يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، رىبەقانى ئېلىپ كېتىشىدىن قورقاتتى. ئىسھاق ئۇ يەردە بىرمەزگىل تۇردى. بىر كۈنى، فىلىستىنلىكلەرنىڭ پادىشاھى ئابىمەلەك دېرىزىسىدىن سىرتقا قاراۋاتقاندا، ئىسھاقنىڭ رىبەقا بىلەن قۇچاقلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى. پادىشاھ ئابىمەلەك ئىسھاقنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن: - ئۇ سېنىڭ ئايالىڭ ئىكەن، نېمە ئۈچۈن ئۇنى سىڭلىم دېگەنىدىڭ؟ - دەپ سورىدى. ئىسھاق جاۋاب بېرىپ: - ئەگەر مەن ئۇنى ئايالىم دېگەن بولسام، ئۇنى ئېلىش ئۈچۈن سىلەرنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىڭلاردىن قورققانىدىم، - دېدى. ئابىمەلەك ئۇنىڭغا: - بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ ئەگەر خەلقىم ئىچىدە بىرى سېنىڭ ئايالىڭ بىلەن بىر ئورۇندا ياتقان بولسا، سەن پۈتۈن خەلقىمىزنى گۇناھقا تىققان بولاتتىڭ! - دېدى. ئاندىن، پادىشاھ ئابىمەلەك ئۆز خەلقىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ: - كىمدەكىم بۇ كىشىگە ياكى ئايالىغا چېقىلسا، جېنىدىن جۇدا قىلىنىدۇ، - دېدى. ئىسھاق ئۇ يەردە دېھقانچىلىق قىلاتتى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بەرىكەت بەرگەچكە، ئۇ يىلى بىرگە يۈز ھەسسە ھوسۇل ئالدى. ئۇ بارغانسېرى روناق تېپىپ، كاتتا باي بولدى. فىلىستىنلىكلەر ئۇنىڭ نۇرغۇن قوي-كالا پادىلىرى ۋە قۇللىرى بارلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ھەسەت قىلىشقا باشلىدى. شۇڭا، ئۇلار ئۇنىڭ ئاتىسى ئىبراھىم ھايات ۋاقتىدا چاكارلىرىغا قازدۇرغان قۇدۇقلارنى توپا بىلەن تىندۇرۇۋەتتى. كېيىن، ئابىمەلەك ئىسھاققا: - سەن بىزدىن كۈچىيىپ كەتتىڭ. دۆلىتىمىزدىن چىقىپ كەت! - دېدى. بۇنىڭ بىلەن، ئىسھاق ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، گىرار جىلغىسىغا بېرىپ، ئۇ يەرگە ئورۇنلىشىپ، بىرمەزگىل تۇردى. ئىبراھىم ھايات ۋاقتىدا، بىرمۇنچە قۇدۇقلارنى قازدۇرغانىدى. بىراق، ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، فىلىستىنلىكلەر ئۇنىڭ ھەممە قۇدۇقلىرىنى توپا بىلەن تىندۇرۇۋەتكەنىدى. ئىسھاق ئۇلارنى قايتا قازدۇرۇپ، يەنىلا دەسلەپ ئاتىسى قويغان ئىسىملىرى بىلەن ئاتىدى. ئىسھاقنىڭ چاكارلىرى گىرار جىلغىسىدا بىر قۇدۇق قېزىپ، سۇ تاپتى. بىراق، گىرارنىڭ پادىچىلىرى ئىسھاقنىڭ پادىچىلىرى بىلەن ماجىرالىشىپ، ھەممىسى: «بۇ بىزنىڭ سۈيىمىز» دېيىشتى. شۇڭا، ئىسھاق ئۇ قۇدۇقنى ئەسەك [مەنىسى «ماجىرا»] دەپ ئاتىدى. ئىسھاقنىڭ چاكارلىرى يەنە بىر قۇدۇق قازغانىدى. ئۇلار يەنە بۇ قۇدۇق ئۈچۈن ماجىرالاشتى. شۇڭا، ئىسھاق بۇ قۇدۇقنى سىتنا [مەنىسى «ئۆچمەنلىك»] دەپ ئاتىدى. ئىسھاق ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، يەنە بىر قۇدۇق قازدۇردى. بۇ قېتىم ماجىرا چىقمىدى. شۇڭا، ئۇ بۇ قۇدۇقنىڭ ئىسمىنى رىھۇبوت [مەنىسى «ئازادە يەر»] دەپ ئاتىدى. ئۇ: «پەرۋەردىگار ئاخىر بىزنى ئازادە يەردە ياشاشقا مۇيەسسەر قىلدى. بىز بۇ يەردە چوقۇم روناق تاپىمىز» دېدى. ئىسھاق ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، بەئەرشەباغا كۆچۈپ باردى. ئۇ كۈنى كەچتە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ: «مەن ئاتاڭ ئىبراھىم ئېتىقاد قىلغان خۇدا، قورقمىغىن! مەن ساڭا يار. مەن خىزمەتكارىم ئىبراھىمنىڭ سەۋەبىدىن، ساڭا بەخت ئاتا قىلىمەن ۋە ئەۋلادلىرىڭنى كۆپەيتىمەن» دېدى. ئىسھاق ئۇ يەردە قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى. شۇندىن كېيىن ئىسھاق ئۇ يەرگە ئورۇنلىشىپ قالدى ھەمدە ئۇنىڭ چاكارلىرى ئۇ يەردە يەنە بىر قۇدۇق قازدى. پادىشاھ ئابىمەلەك ئاخۇززات دېگەن مەسلىھەتچىسى بىلەن لەشكەر باشلىقى فىكولنى ئېلىپ، گىراردىن ئىسھاقنى زىيارەت قىلىپ كەلدى. ئىسھاق ئۇلارغا: - بۇرۇن سىلەر ماڭا ئۆچمەنلىك قىلىپ، مېنى دۆلىتىڭلاردىن قوغلاپ چىقارغانىدىڭلار. ئەمدى نېمە ئۈچۈن يەنە مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدىڭلار؟ - دېدى. ئۇلار جاۋابەن: - بىز پەرۋەردىگارنىڭ ساڭا يار ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. شۇڭا، بىز بىر-بىرىمىزگە قەسەم بېرىپ، كېلىشىم تۈزسەك بولغۇدەك. بىز ساڭا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمىگەندەك، سېنىڭمۇ بىزگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەسلىككە ۋەدە بېرىشىڭنى تەلەپ قىلىمىز. بۇرۇن بىز ساڭا ھەمىشە ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، سېنى ئۇ يەردىن ئامان-ئېسەن كەتكۈزگەنىدۇق. ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ ساڭا بەخت ئاتا قىلغانلىقى ئېنىق بولدى، - دېدى. ئىسھاق زىياپەت تەييارلاپ، ئۇلارنى مېھمان قىلدى. ئۇلار سەھەر تۇرۇپ، ئۆزئارا قەسەم بېرىشىپ، كېلىشىم تۈزۈشتى. ئىسھاق ئۇلار بىلەن دوستانە خوشلىشىپ، ئۇلارنى ئۇزىتىپ قويدى. ئۇ كۈنى، ئىسھاقنىڭ چاكارلىرى كېلىپ، ئۇنىڭغا ئۆزلىرى قازغان قۇدۇق توغرىسىدا خەۋەر بېرىپ: - بىز سۇ تاپتۇق! - دېدى. ئۇ قۇدۇقنى شەبا [مەنىسى «قەسەم»] دەپ ئاتىدى. شۇڭا، ئۇ شەھەر ھازىرغىچە بەئەرشەبا [مەنىسى «قەسەملەشكەن قۇدۇق»] دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. ئەساۋ قىرىق يېشىدا ئىمانسىز خىتلاردىن ئىككى قىزنى خوتۇنلۇققا ئالدى. بۇ ئىككى قىز بەئەرنىڭ قىزى يۇدىت بىلەن ئېلوننىڭ قىزى باسىمات ئىدى. ئۇلار ئىسھاق بىلەن رىبەقانىڭ ئارامىنى قويمىدى. ئىسھاق قېرىپ كەتتى، كۆزىمۇ كۆرمەس بولۇپ قالدى. ئۇ تۇنجى ئوغلى ئەساۋنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا: - ئوغلۇم، - دېدى. - مانا مەن، - دەپ جاۋاب بەردى ئەساۋ. ئىسھاق مۇنداق دېدى: - قارا، مەن قېرىپ كەتتىم، ئۆلۈمۈم يىراق ئەمەس. سەن ئوقيايىڭنى ئېلىپ، دالاغا چىقىپ ئوۋ ئوۋلاپ كېلىپ، مەن ياخشى كۆرىدىغان لەززەتلىك تاماق پىشۇرۇپ ماڭا يېگۈز. شۇنىڭ بىلەن، مەن ئۆلۈشتىن ئىلگىرى ساڭا ئاخىرقى خەيرلىك دۇئايىمنى قىلاي. رىبەقا ئىسھاقنىڭ قىلغان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئەساۋنىڭ ئوۋغا چىقىپ كەتكەن ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، ياقۇپقا مۇنداق دېدى: - مەن بايا داداڭنىڭ ئاكاڭ ئەساۋغا: «سەن ئوۋ ئوۋلاپ كېلىپ، لەززەتلىك تاماق پىشۇرۇپ ماڭا يېگۈز. شۇنىڭ بىلەن، مەن ئۆلۈشتىن ئىلگىرى پەرۋەردىگار ئالدىدا ساڭا خەيرلىك دۇئا قىلاي» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. ئوغلۇم، گېپىمگە قۇلاق سېلىپ، مېنىڭ دېگىنىمنى قىل. قوي پادىسىغا بېرىپ، سېمىز ئوغلاقتىن ئىككىنى ئېلىپ كەل. مەن ئۇنى داداڭ ياخشى كۆرىدىغان تەمدە پىشۇراي. سەن ئەكىرىپ يېگۈزسەڭ، ئۇ ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن ساڭا خەيرلىك دۇئا قىلىدۇ، - دېدى. لېكىن، ياقۇپ ئانىسىغا: - سىزگە مەلۇم، ئەساۋنىڭ پۈتۈن بەدىنى تۈكلۈك، مېنىڭ تېنىم بولسا تۈكسىز. مۇبادا دادام تېنىمنى تۇتۇپ قالسا، مېنىڭ ئۇنى ئالدىغانلىقىمنى بىلىپ قالىدۇ. ئۇ چاغدا، ئۇنىڭ خەيرلىك دۇئاسىنى ئېلىش بۇ ياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە قارغىشىغا ئۇچرايمەن! - دېدى. ئانىسى ئۇنىڭغا: - ئەي ئوغلۇم، لەنەت بولسا ماڭا بولسۇن! مېنىڭ دېگىنىمنى قىل. ئوغلاقلارنى ئېلىپ كەل، - دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ياقۇپ ئوغلاقلارنى ئەكېلىپ، ئانىسىغا تاپشۇردى. ئانىسى تاماقنى دادىسى ياخشى كۆرىدىغان تەم بىلەن پىشۇردى. ئاندىن، ئەساۋنىڭ ئۆيدە ساقلىغان ئەڭ ياخشى كىيىملىرىنى ئاچىقىپ، ياقۇپقا كىيدۈردى. ئۇنىڭ ئىككى قولى ۋە بوينىنىڭ تۈكسىز جايلىرىنى ئۆچكە يۇڭى بىلەن يۆگەپ، لەززەتلىك تاماق بىلەن ياققان ناننى ئۇنىڭغا تۇتقۇزدى. ياقۇپ ئاتىسىنىڭ يېنىغا كىرىپ: - ئاتا، - دېدى. - ئوغلۇم، سەن قايسى ئوغلۇم بولىسەن؟ - دېدى ئاتىسى. ياقۇپ ئۇنىڭغا: - مەن چوڭ ئوغلىڭىز ئەساۋ. تاپشۇرۇقىڭىزنى ئورۇنداپ بولدۇم. قوپۇڭ، مەن ئوۋلاپ كەلگەن ئوۋ گۆشىگە ئېغىز تېگىپ، ئاندىن ماڭا خەيرلىك دۇئايىڭىزنى قىلغايسىز، - دەپ جاۋاب قايتۇردى. - ئوغلۇم، نېمانچە تېز ئوۋلاپ كەلدىڭ؟ - دەپ سورىدى ئىسھاق. - پەرۋەردىگارىڭىز بولغان خۇدا تەلىيىمنى ئوڭدىن كەلتۈرۈپ، ماڭا ياردەم قىلدى، - دەپ جاۋاب قايتۇردى ياقۇپ. ئىسھاق ياقۇپقا: - ئوغلۇم، يېنىمغا كەل، تۇتۇپ كۆرەي، سەن راستتىن ئەساۋمۇ، ئەمەسمۇ؟ - دېدى. ياقۇپ يېنىغا باردى. ئىسھاق تۇتۇپ كۆرۈپ: - ئاۋازىڭ ياقۇپنىڭ، قولۇڭ بولسا، ئەساۋنىڭكىگە ئوخشايدىكەن، - دېدى. ئۇ ئۇنىڭ ياقۇپ ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتەلمىدى. چۈنكى، ياقۇپنىڭ قولى ئەساۋنىڭكىگە ئوخشاش تۈكلۈك تۇراتتى. ئۇ ياقۇپقا دۇئا قىلىدىغان چاغدا، يەنە بىر قېتىم: - سەن راستتىن ئەساۋمۇ؟ - دەپ سورىدى. - شۇنداق، - دەپ جاۋاب بەردى ياقۇپ. ئىسھاق ئۇنىڭغا: - گۆشنى ئەكەل، ئۇنى يېگەندىن كېيىن، ساڭا دۇئا قىلاي، - دېدى. ياقۇپ گۆشنى ئېلىپ كىردى ۋە ئۇنىڭغا شاراب تۇتتى. ئىسھاق يەپ-ئىچىپ بولغاندىن كېيىن: - ئوغلۇم، ئالدىمغا كېلىپ، مېنى سۆي، - دېدى. ياقۇپ ئالدىغا بېرىپ سۆيدى. ئىسھاق ياقۇپنىڭ كىيگەن كىيىملىرىنىڭ پۇرىقىنى پۇرىغاندىن كېيىن، سۆزىگە ئىشىنىپ، ئۇنىڭغا خەيرلىك دۇئاسىنى قىلدى: «ئوغلۇمنىڭ تېنىدىكى خۇش پۇراق، دەل پ رۋەردىگارىم بەرىكەت بەرگەن تۇپراقنىڭ پۇرىقىغا ئوخشايدىكەن. خۇدا ئاسماندىن ساڭا خاسىيەتلىك يامغۇر ياغدۇرۇپ، تۇپرىقىڭنى مۇنبەت قىلغاي. ئۇ ساڭا مول ئاشلىق-تۈلۈك، ئېسىل شارابلارنى تەقدىم قىلغاي. باشقا ئەللەرمۇ خىزمىتىڭدە بولغاي، خەلقلەر ساڭا تىزلىنىپ ھۆرمەت بىلدۈرگەي. قېرىنداشلىرىڭغا ھاكىم بولغايسەن. ئاناڭنىڭ ئەۋلادلىرى ساڭا ئېگىلگەي. ساڭا لەنەت ئوقۇغانلارغا لەنەت ياغقاي، ساڭا بەخت تىلىگەنلەر بەخت تاپقاي.» ياقۇپ ئىسھاقنىڭ دۇئاسىنى ئېلىپ چىقىپ تۇرۇشىغىلا، ئاكىسى ئەساۋ ئوۋدىن قايتىپ كەلدى. ئەساۋمۇ گۆشنى لەززەتلىك پىشۇرۇپ، ئاتىسىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىرىپ: - ئاتا، قوپۇڭ، مەن ئوۋلاپ كەلگەن ئوۋ گۆشىگە ئېغىز تېگىپ، ماڭا خەيرلىك دۇئايىڭىزنى قىلىڭ، - دېدى. - سەن كىم بولىسەن؟ - دەپ سورىدى ئىسھاق. - چوڭ ئوغلىڭىز ئەساۋ بولىمەن، - دەپ جاۋاب بەردى ئەساۋ. ئىسھاقنىڭ پۈتۈن ئەزاسىنى تىترەك باستى ۋە ئۇنىڭدىن سورىدى: - ئۇنداقتا، ھازىر ماڭا ئوۋ گۆشىنى ئېلىپ كەلگەن كىم؟ سەن كېلىشتىن بۇرۇن مەن ئۇنى يەپ، ئۇنىڭغا خەيرلىك دۇئا قىلغانىدىم. بۇ بەخت مەڭگۈ ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولۇپ كەتتى. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئەساۋ ئىنتايىن ئېچىنىپ، ئۈن سېلىپ يىغلاپ تۇرۇپ: - ئاتا، ماڭىمۇ خەيرلىك دۇئا قىلغايسىز! - دېدى. - ئىنىڭ كىرىپ مېنى ئالداپ، سېنىڭ بەختىڭگە ئولتۇرۇپتۇ، - دېدى ئىسھاق. ئەساۋ: - بۇ ئۇنىڭ مېنى ئىككىنچى قېتىم ئالدىشى. ئۇنىڭ ياقۇپ دەپ ئاتىلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىكەن! ئۇ مېنىڭ تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقۇمنى تارتىۋالغانىدى. ئەمدى ماڭا مەنسۇپ بولغان خەيرلىك دۇئانىمۇ تارتىۋاپتۇ. ئاتا، مەن ئۈچۈن خەيرلىك دۇئايىڭىز قالمىدىمۇ؟ - دېدى. ئىسھاق مۇنداق جاۋاب بەردى: - مەن ئۇنى ساڭا خوجايىن قىلىۋەتتىم. ئۇنىڭ پۈتۈن قېرىنداشلىرىنى ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولىدىغان قىلىۋەتتىم. مەن يەنە ئۇنىڭغا ئاشلىق-تۈلۈك، ئېسىل شارابلارنى بېغىشلىدىم. ئەي ئوغلۇم، ئەمدى مەن ساڭا يەنە نېمىنى بېرىمەن؟ ئەساۋ ئاتىسىغا يەنە يالۋۇردى: - ئاتا، سىزنىڭ پەقەت بىرلا خەيرلىك دۇئايىڭىز بارمۇ؟ ماڭىمۇ خەيرلىك دۇئا قىلغايسىز! - دەپ ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى. ئاندىن، ئىسھاق مۇنداق دېدى: «مۇنبەت تۇپراقتىن نېسىۋەڭ يوقتۇر. خاسىيەتلىك يامغۇر ساڭا ياغمايدۇ. سەن قىلىچقا تايىنىپ ياشايسەن، ئىنىڭنىڭ خىزمىتىدە بولىسەن. لېكىن، سەن ئۇنىڭغا قارشى چىققىنىڭدا، ئۇنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلىسەن.» ئەساۋ ياقۇپقا قارىتا كۆڭلىگە ئۆچمەنلىك پۈكتى. چۈنكى، ئاتىسى خەيرلىك دۇئاسىنى ياقۇپقا قىلغانىدى. ئۇ ئىچىدە: «ئاتام ئالەمدىن ئۆتۈشكە ئاز قالدى. ئۆلۈمىنى ئۇزىتىۋېتىپلا، ياقۇپنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن» دەپ ئويلىدى. رىبەقا باشقىلاردىن ئەساۋنىڭ پىلانىنى ئاڭلاپ قېلىپ، ياقۇپنى چاقىرتىپ: - گېپىمگە قۇلاق سال! ئاكاڭ ئەساۋ سېنى ئۆلتۈرۈپ، دەردىنى چىقارماقچى. ئەي ئوغلۇم، سەن مېنىڭ دېگىنىمنى قىل: دەرھال ھاران رايونىغا، ئاكام لاباننىڭ يېنىغا قېچىپ كەت. ئاكاڭ ئەساۋنىڭ ئاچچىقى يانغۇچە، شۇ يەردە تۇر. ئۇ سېنىڭ قىلغانلىرىڭنى ئۇنتۇپ قالغاندا، مەن ئادەم ئەۋەتىپ سېنى قايتۇرۇپ كېلىمەن. نېمە ئۈچۈن بىر كۈننىڭ ئىچىدە ھەر ئىككىڭلاردىن ئايرىلىپ قالغۇدەكمەن، - دېدى. رىبەقا ئىسھاققا: - مەن ئەساۋنىڭ ئىمانسىز خىتلاردىن ئالغان ئاشۇ ئىككى ئايالىدىن تويۇپ كەتتىم. ئەگەر ياقۇپمۇ خىتلاردىن قىز ئالسا، ئۇنىڭدىن ئۆلگىنىم ياخشى، - دېدى. ئىسھاق ياقۇپنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ، مۇنداق بۇيرۇدى: - سەن قانانلىق قىزلارغا ئۆيلەنمە. پاددان-ئاررام رايونىغا بېرىپ، ئاناڭنىڭ ئاتىسى بېتۇئېلنىڭ ئۆيىگە بار. ئۇ يەردە ئاناڭنىڭ ئاكىسى لاباننىڭ قىزلىرىدىن بىرنى ئال. ھەممىگە قادىر خۇدا ساڭا بەخت ئاتا قىلىپ، كۆپ پەرزەنت بېرىپ، ئۇلارنى نۇرغۇن مىللەت قىلغاي! ئۇ ئىبراھىمغا بەرگەن ۋەدىسى بويىچە ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا بەخت ئاتا قىلغاي. سەن ھازىر مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان يەرنى، يەنى خۇدا ئىبراھىمغا ۋەدە بېرىپ بەرمەكچى بولغان زېمىننى ساڭا تەقدىم قىلغاي! شۇنىڭ بىلەن، ئىسھاق ياقۇپنى پاددان-ئاررام رايونىغا، بوۋىسى ئارراملىق بېتۇئېلنىڭ ئوغلى لاباننىڭ يېنىغا يولغا سالدى. لابان رىبەقانىڭ ئاكىسى بولۇپ، رىبەقا بولسا ئەساۋ بىلەن ياقۇپنىڭ ئانىسى ئىدى. ئەساۋ بۇنىڭدىن ئاتىسى ئىسھاقنىڭ قانانلىق ئاياللارنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى چۈشەندى. شۇڭا، ئۇ ئىبراھىمنىڭ ئوغلى ئىسمائىلنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئاياللىرىنىڭ ئۈستىگە تاغىسى ئىسمائىلنىڭ قىزى ماھالاتنى ئالدى. ماھالات نېبايوتنىڭ سىڭلىسى ئىدى. ياقۇپ بەئەرشەبادىن ئايرىلىپ، ھارانغا قاراپ يولغا چىقتى. كۈن پاتقاندا، ئۇ بىر يەرگە يېتىپ كېلىپ، شۇ يەردە قوندى. ئۇ بىر تاشنى بېشىغا قويۇپ، يەردە يېتىپ ئۇيقۇغا كەتتى. ئۇ چۈشىدە يەردىن تاكى ئاسمانغىچە تاقىشىدىغان بىر پەلەمپەينى كۆردى. خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى پەلەمپەيدە يۇقىرى-تۆۋەن مېڭىپ يۈرەتتى. ئۇ يەنە پەرۋەردىگارنىڭ پەلەمپەينىڭ ئۈستى تەرەپتە تۇرۇپ، ئۇنىڭغا: «مەن پەرۋەردىگار، بوۋاڭ ئىبراھىم ۋە ئاتاڭ ئىسھاق ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بولىمەن. مەن ھازىر سەن ياتقان زېمىننى ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىمەن. ئۇلارنىڭ سانى يەردىكى قۇمدەك كۆپ بولۇپ، شەرقتىن غەربكە، جەنۇبتىن شىمالغا تارقىلىپ، پۈتۈن زېمىننى قاپلايدۇ. يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل مىللەتلەر سەن ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئارقىلىق بەخت تاپىدۇ. مەن ساڭا يار بولىمەن. سەن قەيەرگە بارساڭ، سېنى شۇ يەردە قوغدايمەن ھەمدە سېنى بۇ يەرگە قايتۇرۇپ كېلىمەن. ساڭا بەرگەن ۋەدەمنى ئىشقا ئاشۇرمىغۇچە، سېنى ھەرگىز تاشلىمايمەن!» دەۋاتقانلىقىنى كۆردى. ياقۇپ ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپلا: «مەن بىلمەپتىكەنمەن، پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن بۇ يەردە ئىكەن!» دېدى. ئۇ قورقۇپ كېتىپ: «بۇ نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق جاي، بۇ باشقا يەر ئەمەس، دەل خۇدانىڭ ئۆيى، ئەرشكە چىقىدىغان دەرۋازا ئىكەن!» دېدى. ئەتىسى تاڭ سەھەردىلا، ياقۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ، بېشىغا قويغان ھېلىقى تاشنى خاتىرە قىلىش ئۈچۈن تىكلەپ، ئۈستىگە ياغ قويۇپ، ئۇنى خۇداغا ئاتىدى. بۇ يەرنىڭ بۇرۇنقى ئىسمى لۇز بولسىمۇ، ياقۇپ ئۇنى بەيتەل [مەنىسى «خۇدانىڭ ئۆيى»] دەپ ئاتىدى. ئاندىن ئۇ خۇداغا قەسەم قىلىپ: - ئەگەر سەن ماڭا يار بولۇپ، سەپىرىمدە مېنى قوغداپ، ماڭا يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك يەتكۈزۈپ بېرىپ، مېنى يۇرتۇمغا ئامان-ئېسەن قايتۇرساڭ، شۇ ۋاقىتتا ساڭا مەڭگۈ ئەگىشىمەن. مەن خاتىرە قىلىپ تاش تىكلەپ قويغان بۇ جاي ئىنسانلار ساڭا ئىبادەت قىلىدىغان مۇقەددەس جاي بولسۇن. ماڭا بېغىشلىغانلىرىڭنىڭ ئوندىن بىرىنى ساڭا تەقدىم قىلىمەن، - دېدى. ياقۇپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، شەرق تەرەپتىكىلەرنىڭ زېمىنىغا كەلدى. ئۇ دالادىكى بىر قۇدۇقنىڭ يېنىدا ئۈچ توپ قوينىڭ ياتقانلىقىنى كۆردى. پادىچىلار قويلىرىنى شۇ قۇدۇقتىن سۇغىراتتى. قۇدۇقنىڭ ئاغزىدا بىر يوغان تاش يېپىقلىق تۇراتتى. قويلارنىڭ ھەممىسى يېتىپ كەلگەندە، پادىچىلار بىرلىكتە قۇدۇقنىڭ ئاغزىدىكى تاشنى دومىلىتىۋېتىپ، قويلىرىنى سۇغىرىۋېلىپ، ئاندىن يەنە شۇ تاش بىلەن قۇدۇقنىڭ ئاغزىنى يېپىپ قوياتتى. ياقۇپ بۇ پادىچىلاردىن: - بۇرادەرلەر، سىلەر قەيەرلىك؟ - دەپ سورىدى. - بىز ھارانلىق، - دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتى ئۇلار. - سىلەر ناھورنىڭ ئوغلى لاباننى تونۇمسىلەر؟ - دېدى ئۇ. - تونۇيمىز! - دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. ياقۇپ يەنە: - ئۇ قانداقراق؟ - دەپ سورىدى. ئۇلار: - ئۇ ناھايىتى ياخشى. ئەنە قاراڭ! ئۇنىڭ قىزى راھىلە قويلىرىنى ھەيدەپ كېلىۋاتىدۇ، - دېدى. ياقۇپ ئۇلارغا: - كۈن تېخى تىك تۇرسا، قوي پادىسىنى يىغىدىغان ۋاقىت بولمىسا، نېمىشقا قويلارنى تېزرەك سۇغىرىپ، ئوتلاققا ئاپىرىپ باقمايسىلەر؟ - دېدى. ئۇلار: - بىز قويلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ، پادىچىلار بىلەن بىرلىكتە قۇدۇقنىڭ ئاغزىدىكى تاشنى دومىلىتىۋەتمىگۈچە، قويلارنى سۇغىرالمايمىز، - دەپ جاۋاب بېرىشتى. ياقۇپنىڭ پادىچىلار بىلەن پارىڭى تېخى تۈگىمەيلا، راھىلە پادىلىرىنى ھەيدەپ يېتىپ كەلدى. ياقۇپ راھىلە بىلەن تاغىسى لاباننىڭ قوي پادىسىنى كۆرۈپلا، قۇدۇقنىڭ ئاغزىدىكى تاشنى دومىلىتىۋېتىپ، ئۇنىڭ قويلىرىنى سۇغىرىپ بەردى. لابان جىيەنى ياقۇپنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاش بىلەنلا، ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ، قۇچاقلاپ سۆيۈپ كۆرۈشۈپ ئۆيىگە باشلاپ كىردى. ياقۇپ ئۇنىڭغا يۈز بەرگەن پۈتۈن ئىشنى ئېيتىپ بەردى. - سەن ھەقىقەتەن مېنىڭ جان-جىگەر تۇغقىنىم! - دېدى لابان. شۇنداق قىلىپ، ياقۇپ ئۇ يەردە بىر ئاي تۇردى. بىر كۈنى، لابان ياقۇپقا: - سەن مېنىڭ جىيەنىم بولساڭمۇ، ماڭا بىكارغا ئىشلەپ بەرسەڭ بولماس. ئېيتقىن، قانچىلىك ئىش ھەققى تەلەپ قىلىسەن؟ - دېدى. لاباننىڭ ئىككى قىزى بولۇپ، چوڭىنىڭ ئىسمى لېياھ، كىچىكىنىڭ ئىسمى راھىلە ئىدى. لېياھنىڭ كۆزلىرى نۇرسىز ئىدى، راھىلە بولسا گۈزەل ۋە كېلىشكەن قىز ئىدى. ياقۇپ راھىلەگە ئاشىق بولۇپ قالغانىدى. شۇڭا، ئۇ: - ئەگەر سىز راھىلەنى ماڭا بەرسىڭىز، مەن سىزگە يەتتە يىل ئىشلەپ بېرەي، - دەپ ئىلتىماس قىلدى. لابان ئۇنىڭغا: - ئۇنى باشقا بىرىگە بەرگىنىمدىن ساڭا بەرگىنىم ئەلا! سەن مېنىڭ يېنىمدا تۇر، - دېدى. ياقۇپ راھىلەنى ئېلىش ئۈچۈن يەتتە يىل ئىشلەپ بەرگەن بولسىمۇ، بۇ كۈنلەر ئۇنىڭغا بىرنەچچە كۈندەكلا بىلىندى. چۈنكى، ئۇ راھىلەنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى. يەتتە يىل توشقاندا، ياقۇپ لابانغا: - بىز كېلىشكەن ۋاقىت توشتى، قىزىڭىزنى نىكاھىمغا بەرگەيسىز! - دېدى. بۇنىڭ بىلەن، لابان توي زىياپىتى تەييارلاپ، شۇ يەردىكى ھەممە كىشىلەرنى تەكلىپ قىلدى. لېكىن، توي كېچىسى لابان راھىلەنىڭ ئورنىغا لېياھنى بەردى. ياقۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى. لابان دېدەكلىرىدىن زىلپانى لېياھقا دېدەك قىلىپ بەردى. پەقەت تاڭ ئاتقاندىلا، ياقۇپ ئايالىنىڭ لېياھ ئىكەنلىكىنى بىلدى. ئۇ لابانغا: - بۇ نېمە قىلغىنىڭىز؟ مەن راھىلەنى دەپ، سىزگە يەتتە يىل ئىشلىدىم. مېنى نېمىشقا ئالدىدىڭىز؟ - دېدى. لابان ئۇنىڭغا: - بۇ يەرنىڭ ئادىتى بويىچە چوڭ قىز ياتلىق قىلىنمىغۇچە، كىچىك قىز ياتلىق قىلىنمايدۇ. لېياھ بىلەن ئىككىڭلارنىڭ بىر ھەپتىلىك توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىنلا، راھىلەنىمۇ نىكاھىڭغا ئالساڭ بولىدۇ. بىراق، ئۇنىڭ ئۈچۈن ماڭا يەنە يەتتە يىل ئىشلەپ بېرىشىڭ كېرەك! - دەپ جاۋاب بەردى. ياقۇپ ماقۇل بولدى. لېياھ بىلەن بىر ھەپتىلىك توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، لابان راھىلەنىمۇ ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا بەردى. لابان دېدەكلىرىدىن بىلھانى راھىلەگە دېدەك قىلىپ بەردى. ياقۇپ راھىلە بىلەنمۇ بىر ئورۇندا ياتتى. ئۇ راھىلەنى لېياھتىن ياخشى كۆرەتتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ لابانغا يەنە يەتتە يىل ئىشلەپ بەردى. پەرۋەردىگار لېياھنىڭ ياقۇپ تەرىپىدىن ياخشى كۆرۈلمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا پەرزەنت ئاتا قىلدى. راھىلە بولسا تۇغماس ئىدى. لېياھ ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇ: «پەرۋەردىگار مېنىڭ دەردىمنى كۆرۈپتۇ، ئەمدى ئېرىم مېنى ياخشى كۆرىدىغان بولىدۇ» دېدى. شۇڭا، ئۇ بالىنىڭ ئىسمىنى رۇبېن [ئاھاڭ جەھەتتە «دەردىمنى كۆردى»] دەپ قويدى. ئۇ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، ئىككىنچى ئوغلىنى تۇغدى. ئۇ: «پەرۋەردىگار ماڭا بۇ ئوغۇلنىمۇ بەردى، چۈنكى مېنىڭ ياخشى كۆرۈلمىگەنلىكىم ئۇنىڭغا يېتىپتۇ» دېدى. شۇڭا، ئۇ بالىنىڭ ئىسمىنى شىمون [مەنىسى «ئۇ ئاڭلىدى»] دەپ قويدى. ئۇ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، ئۈچىنچى ئوغلىنى تۇغدى. ئۇ: «ئەمدى ئېرىم ماڭا تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ، چۈنكى مەن ئۇنىڭغا ئۈچ ئوغۇل تۇغۇپ بەردىم» دېدى. شۇنىڭ بىلەن، بالىنىڭ ئىسمىنى لاۋىي [ئاھاڭ جەھەتتە «يېقىنلىشىش»] دەپ قويدى. ئۇ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، تۆتىنچى ئوغلىنى تۇغدى. ئۇ: «ئەمدى مەن پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇي» دېدى، شۇڭا بالىنىڭ ئىسمىنى يەھۇدا [ئاھاڭ جەھەتتە «مەدھىيە»] دەپ قويدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ تۇغمىدى. راھىلە ياقۇپقا بالا تۇغۇپ بېرەلمىگەچكە، ھەدىسىگە ھەسەت قىلىپ، ياقۇپقا: - مەندىنمۇ بالا تېپىڭ، بولمىسا ئۆلگىنىم ياخشى! - دېدى. ياقۇپ راھىلەگە ئاچچىقلاپ: - سېنى تۇغماس قىلىپ قويغان خۇدا تۇرسا، مەن نېمە قىلالايتتىم؟ - دېدى. راھىلە ئۇنىڭغا: - سىز مېنىڭ دېدىكىم بىلھا بىلەن بىر ئورۇندا يېتىڭ. ئۇ ماڭا بالا تۇغۇپ بەرسۇن، بۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ئانا بولۇپ قالاي، - دېدى. شۇنداق قىلىپ، راھىلە دېدىكى بىلھانى ئېرىگە كىچىك خوتۇنلۇققا بەردى. ياقۇپ بىلھا بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى. بىلھا ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇپقا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. راھىلە: «خۇدا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىپ دۇئايىمنى ئاڭلاپ، ماڭا بىر ئوغۇل بەردى!» دېدى. شۇڭا، بالىنىڭ ئىسمىنى دان [ئاھاڭ جەھەتتە «ئادىل ھۆكۈم چىقىرىش»] دەپ قويدى. بىلھا يەنە ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇپقا ئىككىنچى ئوغۇلنى تۇغۇپ بەردى. راھىلە: «مەن ھەدەم بىلەن قاتتىق كۈرەش قىلىپ، ئاخىر ئۇنى يەڭدىم» دېدى. شۇڭا، بالىنىڭ ئىسمىنى نافتالى [مەنىسى «كۈرىشىم»] دەپ قويدى. لېياھ ئۆزىنىڭ تۇغۇتى توختاپ قالغانلىقىنى سېزىپ، دېدىكى زىلپانى ياقۇپقا كىچىك خوتۇنلۇققا بەردى. زىلپا ياقۇپقا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. لېياھ: «مەن ھەقىقەتەن تەلەيلىك!» دېدى ۋە بالىنىڭ ئىسمىنى گاد [مەنىسى «تەلەيلىك»] قويدى. زىلپا ياقۇپقا ئىككىنچى ئوغۇلنى تۇغۇپ بەردى. لېياھ: «مەن ھەقىقەتەن بەختلىك-ھە! ئاياللار مېنى بەختلىك ئايال دېيىشىدۇ!» دېدى. شۇڭا، بالىنىڭ ئىسمىنى ئاشېر [مەنىسى «بەختلىك»] دەپ قويدى. ئورما مەزگىلىدە، لېياھنىڭ چوڭ ئوغلى رۇبېن بۇغدايلىقتىن تۇغماسلىق كېسىلىگە شىپا بولىدىغان بىر خىل دورا ئۆسۈملۈك تېپىۋېلىپ، لېياھقا بەردى. بۇنى كۆرگەن راھىلە لېياھقا: - ماڭا ئوغلۇڭ تېپىۋالغان دورا ئۆسۈملۈكتىن بىرئاز بەرگىن، - دېدى. لېياھ ئۇنىڭغا: - مېنىڭ ئېرىمنى تارتىۋالغىنىڭ يەتمەمدۇ؟ ئەمدى مېنىڭ ئوغلۇم تېپىۋالغان دورا ئۆسۈملۈكنىمۇ تارتىۋېلىپ، مېنى بالا تۇغۇشتىن مەھرۇم قىلماقچىمۇسەن؟ - دەپ جاۋاب قايتۇردى. راھىلە: - ئەگەر سەن ئوغلۇڭ تېپىۋالغان دورا ئۆسۈملۈكنى ماڭا بەرسەڭ، بۈگۈن كېچە ياقۇپ سەن بىلەن بىللە بولسۇن، - دېدى. شۇ كۈنى كۈن پاتقاندا، ياقۇپ بۇغدايلىقتىن قايتىپ كەلگىنىدە، لېياھ ئالدىغا چىقىپ ئۇنىڭغا: - بۈگۈن ئاخشام چوقۇم مەن بىلەن يېتىڭ. چۈنكى، ئوغلۇم تېپىۋالغان دورا ئۆسۈملۈكنىڭ بەدىلىگە سىز بىلەن بۈگۈن كېچە بىر ئورۇندا بولۇش ھوقۇقىغا ئېرىشتىم، - دېدى. شۇڭا، ئۇ كېچە ياقۇپ لېياھ بىلەن بىللە ياتتى. لېياھنىڭ دۇئاسى خۇداغا يەتتى. ئۇ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇپقا بەشىنچى ئوغۇلنى تۇغۇپ بەردى. لېياھ: «خۇدا ماڭا ئەجىر قىلدى، چۈنكى مەن ئۆز دېدىكىمنى ئېرىمگە بەردىم!» دېدى. شۇڭا، ئۇ بالىنىڭ ئىسمىنى ئىسساكار [ئاھاڭ جەھەتتە «ئەجىر»] دەپ قويدى. لېياھ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇپقا ئالتىنچى ئوغۇلنى تۇغۇپ بەردى. ئۇ: «خۇدا ماڭا قىممەتلىك سوۋغات بەردى. ئەمدى ئېرىم ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ. چۈنكى، مەن ئۇنىڭغا ئالتە ئوغۇل تۇغۇپ بەردىم» دېدى. شۇڭا، ئۇ بالىنىڭ ئىسمىنى زەبۇلۇن [ئاھاڭ جەھەتتە «سوۋغات»] دەپ قويدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ بىر قىز تۇغدى ۋە ئۇنىڭ ئىسمىنى دىنا دەپ قويدى. كېيىن، خۇدا راھىلەنى ياد ئېتىپ، دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنى پەرزەنت يۈزى كۆرىدىغان قىلدى. ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇ: «خۇدا ماڭا ئوغۇل بېرىپ، مېنى نومۇستىن خالاس قىلدى. پەرۋەردىگاردىن يەنە بىر ئوغۇل تىلەيمەن!» دېدى. شۇڭا، ئوغلىنىڭ ئىسمىنى يۈسۈپ [ئاھاڭ جەھەتتە «يەنە بەرسۇن»] دەپ قويدى. راھىلە يۈسۈپنى تۇغقاندىن كېيىن، ياقۇپ لابانغا: - ماڭا رۇخسەت قىلىڭ. ئۆز يۇرتۇمغا قايتاي. ئايال ۋە بالا-چاقىلىرىمنى ئېلىپ كېتىشىمگە رۇخسەت قىلىڭ. ئۇلار مېنىڭ سىزگە ئىشلەپ بەرگەن ئىش ھەققىم بولسۇن. مېنىڭ سىزگە قانداق تىرىشىپ ئىشلىگىنىم ئۆزىڭىزگە مەلۇم، - دېدى. لابان ئۇنىڭغا: - سەن مەندىن خۇشال بولساڭ، مېنىڭ يېنىمدىن ئايرىلما. مەن ھازىر باي بولۇپ كەتتىم. پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا بەخت ئاتا قىلغانلىقى سېنىڭ يېنىمدا بار بولغىنىڭدىن ئىكەنلىكىنى پال ئېچىش ئارقىلىق تونۇپ يەتتىم. ئېيتقىن، قانچىلىك ھەق سورىساڭ، جەزمەن شۇنچىلىك بېرىمەن، - دېدى. ياقۇپ مۇنداق جاۋاب بەردى: - مېنىڭ قانداق جان تىكىپ ئىشلىگەنلىكىم، ئەجرىم بىلەن قوي-كالىلىرىڭىزنىڭ قانداق كۆپىيىپ كەتكەنلىكى ئۆزىڭىزگە ئايان. مەن كېلىشتىن ئىلگىرى، سىزنىڭ قول-ئىلكىڭىزدە ئانچە يوق ئىدى، ھازىر بايلىقىڭىز شۇنچە كۆپەيدى. پەرۋەردىگار مېنىڭ يېنىڭىزدا بولغىنىمدىن سىزگە بەخت ئاتا قىلدى. ئەمدى مەن ئۆز ئائىلەمنى ئويلىشىم كېرەك، - دەپ جاۋاب قايتۇردى. - ئەمىسە، ساڭا نېمە بېرىشىم كېرەك؟ - دەپ سورىدى لابان. ياقۇپ مۇنداق جاۋاب بەردى: - ماڭا ئىش ھەققى كېرەك ئەمەس! ئەگەر تۆۋەندىكى بۇ تەكلىپىمگە قوشۇلسىڭىز، چارۋىلىرىڭىزنى داۋاملىق باقاي. تەكلىپىم مۇنداق: بۈگۈن چارۋىلىرىڭىزنىڭ ئارىسىغا كىرىپ، تاغىل، چىپار ۋە قارا قويلارنى ھەمدە چىپار ۋە تاغىل ئۆچكىلەرنى ئايرىپ چىقاي. بۇلار مېنىڭ ئىش ھەققىم بولسۇن. كەلگۈسىدە سىزگە سەمىمىيلىكىمنى مۇنداق كۆرسەتمەكچىمەن: سىز مېنىڭ ئىش ھەققىمنى تەكشۈرۈپ كەلگىنىڭىزدە، ئەگەر مېنىڭ چارۋىلىرىمنىڭ ئىچىدە تاغىل ۋە چىپار بولمىغان ئۆچكە ياكى قارا بولمىغان قويلارنى ئۇچراتسىڭىز، ئۇلارنى ئوغرىلاپ كېلىنگەن دەپ بىلەلەيسىز. لابان: - سېنىڭ تەكلىپىڭگە قوشۇلدۇم، دېگىنىڭدەك بولسۇن! - دېدى. بىراق شۇ كۈنى، لابان ئەسلى ياقۇپقا تېگىشلىك بولغان تاغىل ۋە چىپار ئەركەك ئۆچكىلەر بىلەن چىپار ۋە ئاق رەڭ ئارىلاشقان چىشى ئۆچكىلەرنى ھەمدە بارلىق قارا قويلارنى ئاستىرتىن ئايرىپ چىقىپ، ئۆز ئوغۇللىرىغا باقتۇردى. ئاندىن، ئۇ بۇ ماللارنى ياقۇپتىن ئۈچ كۈنلۈك يىراقلىقتىكى بىر جايغا ئېلىپ كەتتى. ياقۇپ لاباننىڭ قالغان پادىلىرىنى باقتى. بۇنى بىلگەن ياقۇپ تېرەك، بادام ۋە چىنار دەرەخلىرىدىن كۆك شاخلارنى كېسىپ، قوۋزىقىنى تاغىل شەكىلدە، يەنى بىر يولىدا قوۋزاق بار، يەنە بىر يولىدا قوۋزاق يوق قىلىپ سويدى. ياقۇپ ئۇلارنى قالغانلاردىن ئايرىپ قويدى. ئۇ قالغانلارنى لاباننىڭ تاغىل ۋە قارا قويلىرىغا قارىتىپ قويۇپ ئۇرۇقلاندۇردى. شۇنداق قىلىپ، ياقۇپ ئۆز پادىلىرىنى كۆپەيتتى ھەمدە لاباننىڭ پادىلىرىدىن ئايرىدى. ساغلام ماللار جۈپلەشسە، ياقۇپ شاخلارنى ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى ئوقۇرغا سانجىپ قوياتتى، ماللار شۇ شاخلارنىڭ يېنىدا جۈپلىشەتتى. لېكىن، تېنى ئاجىز ماللار جۈپلەشسە، شاخلارنى سانجىمايتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئورۇق ماللار لابانغا قېلىپ، سېمىز ماللار ياقۇپقا ئۆتتى. شۇنداق قىلىپ، ياقۇپ بارغانسېرى بېيىپ، نۇرغۇن قوي پادىلىرى، ئەر-ئايال قۇللار، تۆگە ۋە ئېشەكلەرگە ئىگە بولدى. ياقۇپ لاباننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ: «ئاتىمىزنىڭ پۈتۈن مال-مۈلكىنى ياقۇپ بۇلىۋالدى. ئۇنىڭ پۈتۈن بايلىقى بىزنىڭ ئاتىمىزغا تەئەللۇق!» دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ قالدى. ياقۇپ ئۆزىمۇ لاباننىڭ بۇرۇنقىدەك دوستانە مۇئامىلە قىلمايۋاتقانلىقىنى سەزدى. بۇ چاغدا، پەرۋەردىگار ياقۇپقا: «سەن ئاتا-بوۋاڭ ياشىغان يۇرتۇڭغا، يەنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭنىڭ يېنىغا بار، مەن ساڭا يار بولىمەن» دېدى. بۇنىڭ بىلەن، ياقۇپ راھىلە بىلەن لېياھقا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ئۆزى قوي باقىدىغان يەرگە كېلىپ، ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈشنى بۇيرۇدى ۋە ئۇلارغا: - داداڭلارنىڭ ماڭا بۇرۇنقىدەك دوستانە مۇئامىلىدە بولمايۋاتقانلىقىنى سېزىۋاتىمەن. لېكىن، ئاتام ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ماڭا يار بولۇپ كەلمەكتە. سىلەرگە مەلۇمكى، مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئاتاڭلارنىڭ خىزمىتىنى قىلدىم. لېكىن، ئۇ مېنى ئالداپ، ئىش ھەققىمنى ئون قېتىم ئۆزگەرتتى. گەرچە ئۇ شۇنداق قىلغان بولسىمۇ، خۇدا ئۇنىڭ ماڭا زىيان يەتكۈزۈشىگە يول قويمىدى. لابان: «چىپار ماللار سېنىڭ ئىش ھەققىڭ» دېگەندە، پۈتۈن ماللار چىپار قوزا تۇغدى، «تاغىل ماللار سېنىڭ ئىش ھەققىڭ» دېگەندە، پۈتۈن ماللار تاغىل تۇغدى. شۇنداق قىلىپ، خۇدا ئاتاڭلارنىڭ ماللىرىنى ماڭا ئېلىپ بەردى. بىر قېتىم، قويلار جۈپلىشىدىغان مەزگىلدە، مەن بىر چۈش كۆردۈم. چۈشۈمدە، جۈپلىشىۋاتقان ئەركەك ئۆچكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تاغىل ياكى چىپار ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. خۇدانىڭ پەرىشتىسى چۈشۈمدە: «ئەي ياقۇپ!» دېدى. مەن: «لەببەي!» دېدىم. ئۇ: «قارا، جۈپلىشىۋاتقان ئەركەك ئۆچكىلەرنىڭ ھەممىسى تاغىل ۋە چىپار. مېنىڭ بۇنداق قىلىشىمنىڭ سەۋەبى، لاباننىڭ ساڭا قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ تۇردۇم. مەن بولسام بەيتەلدە ساڭا كۆرۈنگەن خۇدادۇرمەن. سەن ئۇ يەردە بىر تاشنى ماڭا ئاتاپ، خاتىرە قىلىپ تىكلىدىڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياغ قۇيدۇڭ ۋە ئۇ يەردە ماڭا قەسەم بەردىڭ. ئەمدى سەن ئۆز يۇرتۇڭغا قايتىپ كېتىشكە ھازىرلان!» دېدى. راھىلە بىلەن لېياھ ياقۇپقا مۇنداق جاۋاب بەردى: - بىز بەرىبىر ئاتىمىزدىن بىرەر نەرسە مىراس ئالالمايمىز. ئۇ بىزنى تالانىڭ ئادىمى، دەپ قارايدۇ. ئۇ بىزنى ساتتى ۋە بىزنىڭ تويلۇقىمىزنىمۇ يەپ كەتتى. خۇدا بىزنىڭ دادىمىزدىن سىزگە ئېلىپ بەرگەن بايلىق ئەسلى دادىمىزغا ئەمەس، بەلكى بىزگە ۋە بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىزگە مەنسۇپ. خۇدا سىزگە نېمە دېگەن بولسا، شۇنى قىلىڭ! راھىلە ئاتىسى لاباننىڭ قوي قىرقىغىلى كەتكەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ بۇتلىرىنى ئوغرىلىۋالدى. ياقۇپ لابانغا ئۇقتۇرماي، ئوغرىلىقچە يولغا چىقتى. ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىق تەئەللۇقاتلىرىنى ئېلىپ ئالدىراپ قېچىپ، فىرات دەرياسىدىن ئۆتۈپ، گىلىئاد ئېدىرلىقىغا قاراپ راۋان بولدى. ئۈچ كۈندىن كېيىن، لابانغا ياقۇپنىڭ قاچقانلىقى توغرىسىدا خەۋەر يەتتى. ئۇ ئۆز تۇغقانلىرىنى ئېلىپ، ياقۇپنى قوغلىدى ھەمدە يەتتە كۈندىن كېيىن، گىلىئاد ئېدىرلىقىدا ياقۇپقا يېتىشتى. شۇ كۈنى كېچىدە خۇدا لاباننىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭغا: «ئېھتىيات قىل! ياقۇپقا توسقۇنلۇق قىلما» دېدى. ياقۇپ چېدىرىنى گىلىئاد رايونىدىكى بىر تاغنىڭ ئۈستىگە قۇرغانىدى. لابان ۋە ئۇنىڭ تۇغقانلىرىمۇ ياقۇپقا يېتىشىپ، چېدىرلىرىنى شۇ ئەتراپتا تىكتى. لابان ياقۇپقا: - سەن نېمە ئۈچۈن مېنى ئالداپ، قىزلىرىمنى ئەسىرگە ئوخشاش ئېلىپ كەتتىڭ؟ نېمە ئۈچۈن گەپ-سۆز قىلماي، ئوغرىلىقچە قاچتىڭ؟ ئەگەر سەن ماڭا ئۇقتۇرۇپ قويغان بولساڭ، مەن سېنى چوقۇم خۇشال-خۇراملىق بىلەن چىلتار چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ، داقا-دۇمباق ئىچىدە ئۇزىتىپ قويمامتىم؟ ئەڭ بولمىغاندا، ماڭا نەۋرىلىرىم بىلەن قىزلىرىمنى سۆيۈپ ئۇزىتىپ قويۇش پۇرسىتىنىمۇ بەرمىدىڭ. بۇنداق قىلىشىڭ بەكمۇ ئەخمەقلىق بولدى! ئەسلىدە ئەدىبىڭنى بېرىدىغان كۈچۈممۇ بار ئىدى. لېكىن، تۈنۈگۈن كېچە ئاتاڭ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ساڭا توسقۇنلۇق قىلماسلىقىمنى ئېيتتى. مەن ئۆز يۇرتۇڭنى سېغىنغانلىقىڭنى، ئائىلەڭگە قايتماقچى بولغانلىقىڭنى چۈشىنىمەن. لېكىن، مېنىڭ بۇتلىرىمنى نېمىشقا ئوغرىلاپ قاچتىڭ؟ - دېدى. ياقۇپ ئۇنىڭغا: - مەن سىزنى قىزلىرىڭىزنى قولۇمدىن زورلۇق بىلەن تارتىپ كېتەرمىكىن دەپ ئويلاپ، ئىنتايىن قورقۇپ قاچقانىدىم. لېكىن بۇتلىرىڭىزغا كەلسەك، بۇتلىرىڭىز كىمدىن چىقسا، شۇ تىرىك قالمىسۇن! تۇغقانلىرىڭىز گۇۋاھ بولسۇن. قولىمىزدا ئۆزىڭىزگە تەۋە نېمە تاپسىڭىز، شۇنى ئېلىپ كېتىڭ، - دەپ جاۋاب قايتۇردى. چۈنكى، ياقۇپ راھىلەنىڭ ئاتىسى لاباننىڭ بۇتلىرىنى ئوغرىلىۋالغانلىقىنى بىلمەيتتى. لابان ئالدى بىلەن ياقۇپنىڭ چېدىرىغا كىرىپ ئاختۇردى. كېيىن، لېياھ ۋە ئىككى دېدەكنىڭ چېدىرلىرىغا كىرىپ ئاختۇردى. بىراق، ھېچنېمە تاپالمىدى. ئاندىن، ئۇ راھىلەنىڭ چېدىرىغا كىردى. راھىلە ئاتىسىنىڭ بۇتلىرىنى تۆگىدىكى خۇرجۇنغا يوشۇرۇپ قويۇپ، ئۆزى ئۈستىدە ئولتۇرۇۋالغانىدى. لابان چېدىرنى ئاختۇرۇپ چىقىپ، ھېچ نەرسە تاپالمىدى. راھىلە ئاتىسىغا: - خاپا بولماڭ دادا، مەن ئاي كۆرۈپ قالدىم. ئالدىڭىزدا ئۆرە تۇرغۇدەك ھالىم يوق، - دېدى. لاباننىڭ ئاختۇرمىغان يېرى قالمىدى، لېكىن بۇتلارنى تاپالمىدى. بۇنىڭ بىلەن، ياقۇپ دەرغەزەپكە كېلىپ لابانغا مۇنداق دېدى: - سىز مېنىڭ كەينىمدىن شۇنچە قوغلاپ كەلگۈدەك، مەن زادى نېمە گۇناھ قىلدىم، قايسى قائىدە-نىزامغا خىلاپلىق قىلدىم؟ پۈتۈن يۈك-تاقلىرىمنى ئاختۇرۇپ چىقتىڭىز، زادى بىرەر نەرسىڭىزنى تاپتىڭىزمۇ؟ قېنى، ئۇنى چىقىرىپ، سىزنىڭمۇ مېنىڭمۇ تۇغقانلىرىمىزنىڭ ئالدىدا كۆرسىتىڭ! كۆپچىلىك كۆرۈپ بېقىپ، ئارىمىزدا كىمنىڭ ھەق، كىمنىڭ ناھەقلىقىگە ھۆكۈم قىلسۇن. مەن سىزنىڭ يېنىڭىزدا بولغان يىگىرمە يىل ئىچىدە قوي، ئۆچكىلىرىڭىزدىن بالا تاشلىغىنىمۇ يوق، بىرەرسىنى يېگىنىممۇ يوق. يىرتقۇچ ھايۋانلار ئۆلتۈرۈۋەتكەن قويلارنىمۇ سىزگە ئەكېلىپ كۆرسەتمەي، ئۆزۈمنىڭ قويلىرىمدىن سەپلەپ قويدۇم. كېچىسى بولسۇن، كۈندۈزى بولسۇن، قويلارنى ئوغرى ئالسا، ماڭا تۆلەتتىڭىز. مەن ھەمىشە كۈندۈزى ئىسسىقنىڭ دەردىنى تارتسام، كېچىسى سوغۇقنىڭ دەردىدىن كېچىچە كۆزۈمنى يۇمالمىدىم. يىگىرمە يىلدىن بۇيان سىزگە مانا شۇنداق ئىشلەپ كەلدىم. ئىككى قىزىڭىزنى ئېلىش ئۈچۈن ئون تۆت يىل، پادىلار ئۈچۈن ئالتە يىل ئىشلىدىم. شۇنداق بولسىمۇ، ئىش ھەققىمنى ئون قېتىم ئۆزگەرتتىڭىز! بوۋام ئىبراھىم ئېتىقاد قىلغان، ئاتام ئىسھاق ئىخلاسمەن بولۇپ كەلگەن خۇدا ماڭا يار بولمىغان بولسا، سىز مېنى چوقۇم قۇرۇق قول قايتۇرغان بولاتتىڭىز. لېكىن خۇدا مېنىڭ دەردىمنى، جاپالىق ئەجرىمنى كۆرۈپ، تۈنۈگۈن كېچە سىزنى ئەيىبلىدى. لابان ياقۇپقا جاۋابەن: - بۇ قىزلار مېنىڭ قىزلىرىم، بۇ بالىلار بولسا مېنىڭ نەۋرىلىرىم. قويلارمۇ مېنىڭ قويلىرىم، كۆز ئالدىڭدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى مېنىڭ. مەن قىزلىرىم بىلەن نەۋرىلىرىمنى ئېلىپ قالالمىغاندىكىن، بىزنىڭ بىر كېلىشىم تۈزگىنىمىز تۈزۈكتەك تۇرىدۇ. تۈزگەن كېلىشىمىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن، بۇ يەرگە تاش دۆۋىلەيلى، - دېدى. لابان ئۆز تىلىدا بۇ يەرنى جەگار-ساخادۇتا دەپ ئاتىدى. ياقۇپ ئۆز تىلىدا گالېئاد [ئىككىلى سۆزنىڭ مەنىسى «كېلىشىمنى ئەسلىتىدىغان دۆۋە»] دەپ ئاتىدى. لابان ياقۇپقا: - بۇنىڭدىن كېيىن، بۇ تاش دۆۋىسى ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمنى ئەسلىتىش خاتىرىسى بولسۇن، - دېدى. مانا بۇ، ئۇ يەرنىڭ «گالېئاد» دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبىدۇر. لابان يەنە: - بىز ئايرىلغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ئۈستىمىزدىن كۆزىتىپ تۇرسۇن، - دېدى. شۇڭا، بۇ جاي مىسپاھ [مەنىسى «كۆزىتىش مۇنارى»] ئاتالدى. لابان كەينىدىن: - ئەگەر سەن قىزلىرىمغا يامان مۇئامىلە قىلساڭ ياكى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە خوتۇن ئالساڭ، باشقىلار بىلمىگەن تەقدىردىمۇ، ئېسىڭدە بولسۇنكى، خۇدا بىزنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ. مەن ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا بۇ تاشلارنى دۆۋىلىدىم ھەم بۇ تاشنى تۈۋرۈك قىلىپ تىكلىدىم. بۇ بىزگە گۇۋاھ بولسۇنكى: مەن ھەرگىز بۇلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ساڭا زىيانكەشلىك قىلمايمەن، سەنمۇ بۇلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ ماڭا زىيانكەشلىك قىلمايسەن. ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا ئىبراھىم، ناھور ۋە ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئېتىقاد قىلغان خۇدا ھۆكۈم قىلسۇن، - دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ياقۇپ بۇ كېلىشىمگە ۋاپا قىلىش ئۈچۈن، ئۆز ئاتىسى ئىسھاق ئىخلاسمەن بولۇپ كەلگەن خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدى. ئاندىن، ئۇ تاغدا مال بوغۇزلاپ، قۇربانلىق قىلدى ھەمدە تۇغقانلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان بولدى. تاماقتىن كېيىن، ئۇلار شۇ يەردە قوندى. ئەتىسى تاڭ سەھەردە، لابان نەۋرىلىرى ۋە قىزلىرىنى سۆيۈپ، ئۇلارغا بەخت تىلەپ، ئۆيىگە قايتتى. ياقۇپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقاندا، يول ئۈستىدە ئۇنىڭغا خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى ئۇچرىدى. ياقۇپ ئۇلارنى كۆرۈپ: «بۇ يەر خۇدانىڭ دەرگاھى ئىكەن!» دېدى ۋە ئۇ جاينىڭ ئىسمىنى ماھانائىم [مەنىسى «ئىككى دەرگاھ»] دەپ ئاتىدى. ياقۇپنىڭ ئاكىسى ئەساۋ ئىدوم، يەنى سەئىر رايونىدا تۇرۇۋاتاتتى. ياقۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا خەۋەرچى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا مۇنداق بۇيرۇدى: - ئاكام ئەساۋغا مۇنداق دەڭلار: «كەمىنىلىرى ياقۇپتىن سالام! ئۇنىڭدىن سىزگە مۇنداق خەۋەر بار: ˜مەن لاباننىڭ يېنىدا تا ھازىرغىچە تۇرۇپ، ئەمدى قايتىپ كەلدىم. مەندە كالا، قوي، ئۆچكە، ئېشەك ۋە قۇللار بار. ياخشى بولۇپ قالايلىŒ دەپ، ئالدىڭىزغا خەۋەرچىلىرىمنى ئەۋەتتىم!» ياقۇپنىڭ خەۋەرچىلىرى قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا: - بىز ئاكىڭىز ئەساۋ بىلەن كۆرۈشتۇق. ئۇ تۆت يۈز ئادەمنى ئېلىپ، سىز بىلەن كۆرۈشكىلى يولغا چىقتى، - دەپ جاۋاب بەردى. ياقۇپ قورقۇنچ ۋە تەشۋىش ئىچىدە ئۆز ئادەملىرىنى ئىككى توپقا بۆلدى ھەمدە قوي، ئۆچكە، كالا ۋە تۆگىلەرنىمۇ ئىككىگە ئايرىدى. ئۇ «ئەگەر ئەساۋنىڭ ئادەملىرى بىر توپقا ھۇجۇم قىلسا، يەنە بىر توپ قېچىپ قۇتۇلۇپ قالار» دەپ ئويلىدى. ئاندىن، ياقۇپ مۇنداق دۇئا قىلدى: - ئى بوۋام ئىبراھىم بىلەن ئاتام ئىسھاق ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، دۇئايىمغا قۇلاق سالغايسەن! ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنى يۇرتۇمغا ھەمدە تۇغقانلىرىمنىڭ يېنىغا قايتىشقا بۇيرۇغان ۋە ھەممە ئىشلىرىمنى ئوڭ قىلىپ بېرىدىغانلىقىڭنى ئېيتقانىدىڭ. مەن سېنىڭ مەندەك خىزمەتكارىڭغا كۆرسەتكەن بارلىق مېھرىبانلىقىڭ ۋە ۋاپادارلىقىڭغا لايىق ئەمەسمەن. بۇرۇن مەن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكىنىمدە، قولۇمدا پەقەت بىر ھاسىلا بار ئىدى. ئەمدى بۇ ئىككى توپ كىشىنى باشلاپ قايتىۋاتىمەن. مېنى ئاكام ئەساۋنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغايسەن. مەن ئۇنىڭ مېنى، ھەتتا خوتۇن، بالا-چاقىلىرىمنىمۇ ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن قورقىمەن. ھەممە ئىشلىرىمنى ئاسان قىلىدىغانلىقىڭ ۋە ماڭا دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك ھەددى-ھېسابسىز نۇرغۇن ئەۋلاد بېرىدىغانلىقىڭ توغرىسىدا قىلغان ۋەدەڭنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن. ئۇ بۇ ماللارنى ئايرىم-ئايرىم پادا قىلىپ، ھەر بىر توپ پادىغا خىزمەتچى تەيىنلەپ، ئۇلارغا: - سىلەر ئالدىمدا مېڭىۋېرىڭلار. ھەربىر توپ پادىنىڭ ئارىسىدا بەلگىلىك ئارىلىق قويۇپ ھەيدەڭلار، - دېدى. ئۇ يول باشلاپ ماڭغان خىزمەتچىسىگە: - ئاكام ئەساۋ ساڭا ئۇچرىغاندا، ئەگەر: «خوجايىنىڭ كىم؟ قەيەرگە بارىسەن، ئالدىڭدىكى بۇ ماللار كىمنىڭ؟» دەپ سورىسا، سەن: «بۇلار خىزمەتكارىڭىز ياقۇپنىڭ. بۇ بولسا ئۇنىڭ خوجايىنى ئەساۋغا قىلغان سوۋغىتى. ئۆزى كەينىمىزدە كېلىۋاتىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگىن، - دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ سوۋغات ئېلىپ ماڭغۇچىلارنى ئاۋۋال يولغا سېلىۋېتىپ، كېچىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزدى. شۇ كۈنى كېچىدە، ياقۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىككى ئايالى، ئىككى كىچىك خوتۇنى ۋە ئون بىر پەرزەنتىنى ئېلىپ ياببۇك دەرياسىدىن ئۆتتى. ئۇلارنى سۇدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ھەممە تەئەللۇقاتلىرىنىمۇ قارشى تەرەپكە ئۆتكۈزۈۋەتتى. ئۆزى بولسا بۇ تەرەپتە يالغۇز قالدى. ئاندىن، بىر كىشى كېلىپ ياقۇپ بىلەن تاڭ ئاتقۇچە چېلىشتى. ئۇ كىشى ياقۇپنى يېڭەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، ئۇنىڭ ساغرىسىغا تېگىپ قويدى. بۇنىڭ بىلەن، ياقۇپنىڭ سۆڭگىچى ئورنىدىن چىقىپ كەتتى. ئۇ كىشى: - تاڭ ئاتاي دەپ قالدى، مېنى قويۇپ بەر! - دېدى. - سەن ماڭا بەخت ئاتا قىلمىغۇچە، قويۇپ بەرمەيمەن، - دېدى ياقۇپ. ئۇ كىشى ئۇنىڭدىن: - ئىسمىڭ نېمە؟ - دەپ سورىدى. - ئىسمىم ياقۇپ، - دەپ جاۋاب بەردى ئۇ. ھېلىقى كىشى يەنە: - بۇنىڭدىن كېيىن ئىسمىڭ ياقۇپ ئەمەس، ئىسرائىل [مەنىسى «خۇدا بىلەن چېلىشتى»] بولسۇن. چۈنكى، سەن خۇدا ۋە ئىنسان بىلەن چېلىشىپ شۆھرەت قازاندىڭ، - دېدى. ياقۇپ ئۇنىڭدىن: - ئېيتقىن، سېنىڭ ئىسمىڭ نېمە؟ - دەپ سورىدى. ھېلىقى كىشى: - ئىسمىمنى سورىما، - دەپلا، ياقۇپقا بەخت ئاتا قىلدى. ياقۇپ: - مەن خۇدا بىلەن يۈزمۇيۈز كۆرۈشكەن بولساممۇ، جېنىم ساق قالدى! - دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ بۇ يەرنىڭ نامىنى پېنىئەل [مەنىسى «خۇدانىڭ يۈزى»] دەپ ئاتىدى. ياقۇپ پېنىئەلدىن يولغا چىققاندا، كۈن چىققانىدى. ئۇنىڭ سۆڭگىچى ئورنىدىن چىقىپ كەتكەچكە، ئاقساپ ماڭاتتى. شۇ سەۋەبتىن، ئىسرائىللار تا بۈگۈنگىچە ھايۋانلارنىڭ ساغرىسىنىڭ پېيىنى يېمەيدۇ، چۈنكى خۇدا ياقۇپنىڭ ساغرىسىغا تەگكەن. ياقۇپ ئەساۋنىڭ تۆت يۈز كىشىنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، پەرزەنتلىرىنى لېياھ، راھىلە ۋە ئىككى كىچىك خوتۇنىغا بۆلۈپ بەردى. ئۇ ئىككى كىچىك خوتۇنىنى بالىلىرى بىلەن بىرىنچى سەپتە، لېياھنى بالىلىرى بىلەن ئىككىنچى سەپتە ماڭدۇردى. ئەڭ كەينىدە، راھىلە بىلەن يۈسۈپنى ماڭدۇردى. ياقۇپ ئۆزى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭدى. ئۇ ئاكىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، بېشى يەرگە تەگكۈدەك يەتتە قېتىم ئېگىلىپ تەزىم قىلدى. ئەساۋ ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، قۇچاقلاپ سۆيۈپ كەتتى، ھەر ئىككىسى يىغلىشىپ كۆرۈشتى. ئەساۋ ئەتراپىغا قاراپ، ئاياللار ۋە بالىلارنى كۆرۈپ: - يېنىڭدىكى بۇ كىشىلەر كىم بولىدۇ؟ - دەپ سورىدى. ياقۇپ: - خۇدا كەمىنىلىرىگە ياخشىلىق قىلىپ، بۇ بالىلارنى تەقدىم قىلدى، - دەپ جاۋاب بەردى. ئاندىن، ئىككى كىچىك خوتۇنى بالىلىرىنى باشلاپ ئالدىغا ئۆتۈپ، ئەساۋغا ئېگىلىپ تەزىم قىلدى. كەينىدىن، لېياھ ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى، ئاخىردا يۈسۈپ بىلەن راھىلەمۇ ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، ئېگىلىپ تەزىم قىلدى. ئەساۋ يەنە: - پادىلارنى ئالدىڭدا ماڭدۇرۇشتىكى مەقسىتىڭ نېمە؟ - دەپ سورىدى. - مەقسىتىم - ياخشى بولۇپ قالايلى، دەپ ئەۋەتكەن سوۋغىتىمدۇر، - دېدى ياقۇپ. بىراق، ئەساۋ: - ئۇكام، مېنىڭ توققۇزۇم تەل. بۇ نەرسىلەر ئۆزۈڭدە قالسۇن، - دېدى. - ياق، مېنىڭ يۈزۈمنى قىلساڭ، سوۋغىتىمنى قوبۇل قىلغايسەن. سەن مېنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالدىڭ، دىدارىڭنى كۆرگىنىمدە، خۇدانىڭ دىدارىنى كۆرگەندەك بولدۇم. مېنىڭ ساڭا ئېلىپ كەلگەن سوۋغىتىمنى قوبۇل قىلغايسەن، خۇدا ماڭا مېھرىبانلىق قىلىپ كەلمەكتە. ئۇ ماڭا ئېھتىياجلىق بولغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى بېغىشلىدى، - دېدى ياقۇپ. ياقۇپ ئەساۋدىن سوۋغىتىنى قوبۇل قىلىشنى قايتا-قايتا تەلەپ قىلغاچقا، ئەساۋ ئاخىر نائىلاج قوبۇل قىلدى. - ئەمىسە ماڭايلى! مەن سەن بىلەن بىللە ماڭاي، - دېدى ئەساۋ. بىراق، ياقۇپ: - سەن بىلىسەن، بالىلىرىم يول ئازابىدىن بەك ئاجىزلاپ كەتتى، بۇ موزاي، قوزىلار تېخى سۈتتىن ئايرىلمىغان. شۇڭلاشقا، ئۇلاردىن خەۋەر ئېلىشىم كېرەك. ئەگەر يەنە بىر كۈنلا ماڭىدىغان بولساق، ھەممە كالا، قويلار ھالاك بولىدۇ. سەن ئالدىمىزدا مېڭىپ تۇر. كالا، قوي ۋە بالىلار قانچىلىك ماڭالىسا، مەنمۇ شۇنچىلىك مېڭىپ، سەن بىلەن سەئىردە كۆرۈشەي، - دەپ جاۋاب قايتۇردى. - ئۇنداق بولسا، مەن ئادەملىرىمدىن بىرنەچچىنى ساڭا ياردەمگە قالدۇرۇپ كېتەي، - دېدى ئەساۋ. لېكىن، ياقۇپ: - ئۇنىڭمۇ ھاجىتى يوق. ئىككىمىزنىڭ ياخشى بولۇپ قالغىنى كۇپايە، - دەپ جاۋاب قايتۇردى. شۇنىڭ بىلەن، ئەساۋ شۇ كۈنىلا يولغا چىقىپ، سەئىرگە قايتتى. ياقۇپ بولسا سۇككوت يېزىسىغا بېرىپ، ئۇ يەردە ئۆزىگە ئۆي، ماللىرىغا لاپاس سالدى. شۇڭا، ئۇ يەرنىڭ ئىسمى سۇككوت [مەنىسى «لاپاس»] دەپ ئاتالدى. ياقۇپ پاددان-ئاررامدىن قانان رايونىدىكى شەكەم شەھىرىگە ئامان-ئېسەن قايتىپ كېلىپ، شەھەر ئەتراپىدىكى تۈزلەڭلىككە چېدىرلىرىنى تىكتى. ئۇ بۇ يەرنى ھامۇرنىڭ ئوغۇللىرىدىن يۈز كۈمۈش تەڭگىگە سېتىۋالدى. (شەكەم ھامۇرنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ بىرى ئىدى.) ئۇ بۇ يەردە قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئۇنىڭغا ئەل-ئەلوھىي-ئىسرائىل [مەنىسى «ئىسرائىل ئىبادەت قىلغان خۇدا»] دەپ نام قويدى. بىر كۈنى، ياقۇپنىڭ لېياھتىن بولغان قىزى دىنا يەرلىك قانانلىقلارنىڭ قىزلىرى بىلەن كۆرۈشكىلى چىقتى. ئۇ يەرنىڭ قەبىلە باشلىقى ھىۋىلاردىن بولغان ھامۇرنىڭ شەكەم ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىدى. ئۇ دىنانى كۆرۈپ، تۇتۇۋېلىپ نومۇسىغا تەگدى. ئۇنىڭغا كۆيۈپ قېلىپ، مۇھەببەت ئىزھار قىلدى. ئۇ ئاتىسى ھامۇردىن: - قانداقلا بولمىسۇن، مۇشۇ قىزنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەر، - دەپ تەلەپ قىلدى. ياقۇپ قىزىنىڭ نوم سىنىڭ بۇزۇلغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. لېكىن، ئۇ چاغدا ئۇنىڭ ئوغۇللىرى يايلاقتا مال بېقىۋاتقاچقا، ئۇ داۋراڭ سالماي، ئۇلارنىڭ كېلىشىنى كۈتتى. شەكەمنىڭ ئاتىسى ھامۇر ياقۇپنىڭ ئالدىغا قىزىنى سوراپ كەلگەندە، ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى يايلاقتىن يېڭىلا كەلگەنىدى. ئۇلار بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، قاتتىق غەزەپكە كەلدى ھەم شەكەمنىڭ ياقۇپنىڭ قىزىنىڭ نومۇسىغا تېگىشى پۈتۈن ئىسرائىل قەبىلىسىنى ھاقارەتلەيدىغان، يۈز بېرىشكە تېگىشلىك بولمىغان سەت ئىش، دەپ قارىدى. ھامۇر ئۇلارغا: - ئوغلۇم شەكەم قىزىڭلارنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ. ئۇنىڭ ئۇنى نىكاھىغا ئېلىشىغا رۇخسەت قىلغايسىلەر. بىز ئىككى قەبىلە قۇدا بولايلى. سىلەرنىڭ قىزلىرىڭلارنى بىز ئالايلى، بىزنىڭ قىزلىرىمىزنى سىلەر ئېلىڭلار. شۇنداق قىلىپ، سىلەر بىزنىڭ يۇرتىمىزدا خالىغان يېرىڭلاردا ئولتۇرۇپ، ئەركىن ئوقەت قىلىپ، يەر-زېمىن سېتىۋالساڭلار بولۇۋېرىدۇ، - دېدى. ئارقىدىن، شەكەم ئۆزى دىنانىڭ ئاتىسى ۋە قېرىنداشلىرىدىن مۇنداق دەپ ئىلتىماس قىلدى: - سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا مېھىر-شەپقەتكە ئېرىشسەم، مەندىن نېمە تەلەپ قىلساڭلار شۇنى بېرىمەن. پەقەت مېنىڭ دىنانى نىكاھىمغا ئېلىشىمغا رۇخسەت قىلساڭلار، قانچىلىك تويلۇق تەلەپ قىلساڭلار قولۇم كۆكسۈمدە. شەكەم ياقۇپنىڭ قىزى دىنانىڭ نومۇسىغا تەگكەنلىكى ئۈچۈن، دىنانىڭ ئاكىلىرى شەكەمگە ۋە ئۇنىڭ ئاتىسى ھامۇرغا ھىيلە-مىكىر سۆزلەر بىلەن جاۋاب قايتۇردى. ئۇلار: - بىز سىڭلىمىزنى خەتنە قىلىنمىغان كىشىگە بەرمەيمىز. بۇنداق قىلىش بىزگە نومۇس. پەقەت سىلەر بىر شەرتنى قوبۇل قىلساڭلار، سىلەرنىڭ تەلىپىڭلارغا ماقۇل بولىمىز. سىلەر بىزگە ئوخشاش ھەممە ئەرلىرىڭلارنى خەتنە قىلدۇرۇڭلار. شۇنداق بولغاندا، بىز قىزلىرىمىزنى سىلەرگە بېرىمىز ھەم قىزلىرىڭلارنى ئالىمىز ۋە يۇرتۇڭلاردا تۇرۇپ قېلىپ، بىر قەبىلە بولىمىز. ئەگەر سىلەر بىزنىڭ خەتنە قىلىش توغرىسىدىكى شەرتىمىزنى قوبۇل قىلمىساڭلار، سىڭلىمىزنى بۇ يەردىن ئېلىپ كېتىمىز، - دېدى. ئۇلارنىڭ بۇ سۆزلىرى ھامۇر ۋە ئۇنىڭ ئوغلى شەكەمنىڭ قۇلىقىغا ياقتى. شەكەم ياقۇپنىڭ قىزىغا كۆيۈپ قالغان بولغاچقا، خەتنە قىلدۇرۇشقا ئالدىرىدى. ئۇ ئائىلىسىنىڭ ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەزاسى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، ھامۇر ۋە شەكەم شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى كىشىلەر يىغىلىدىغان جايغا بېرىپ، يۇرت ئەھلىگە: - بۇ كىشىلەر ئىناق ئادەملەر ئىكەن. ئۇلار بۇ يەردە تۇرۇپ سودا-سېتىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانسا بولغۇدەك. بۇ يۇرت كەڭ، ئۇلار سىغىپ كېتىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى ئالساق، ئۇلار بىزنىڭ قىزلىرىمىزنى ئالسا بولىدۇ. لېكىن، بۇ كىشىلەر بىزگە ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان بىر شەرتنى قويۇۋاتىدۇ، يەنى بىزنىڭ ئەرلىرىمىز ئۇلارنىڭ ئەرلىرىگە ئوخشاش خەتنە قىلدۇرۇلۇشى كېرەك ئىكەن. ئەگەر بىز بۇ شەرتنى قوبۇل قىلساق، ئۇلار بىز بىلەن بىللە ياشاپ، بىر قەبىلە بولىدىكەن. بىز ئۇلارنى بۇ يەردە تۇرغۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن، بۇ شەرتكە ماقۇل بولايلى. شۇنداق قىلغاندا، ئۇلارنىڭ ماللىرى ۋە پۈتۈن تەئەللۇقاتلىرى بىزنىڭ بولمامدۇ؟ - دېدى. ھامۇر بىلەن شەكەمنىڭ تەكلىپىنى شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا يىغىلغان پۈتۈن خالايىق قۇۋۋەتلىدى. بۇنىڭ بىلەن، شەھەردىكى ئەرلەرنىڭ ھەممىسى خەتنە قىلدۇردى. ئۈچ كۈندىن كېيىن، ئۇ يەردىكى ئەرلەر خەتنە قىلدۇرۇپ، تېخى ساقايمىغاندا، ياقۇپنىڭ ئىككى ئوغلى، يەنى دىنانىڭ ئۆز ئاكىلىرى شىمون بىلەن لاۋىي قولىغا قىلىچ ئېلىپ، توسالغۇسىزلا شەھەرگە كىرىپ، شەھەردىكى پۈتۈن ئەرلەرنى قىرىپ تاشلىدى. ھەتتا ھامۇر بىلەن ئوغلى شەكەمنىمۇ ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئاندىن، ئۇلار شەكەمنىڭ ئۆيىدىن دىنانى ئېلىپ چىقتى. چوڭ قىرغىنچىلىقتىن كېيىن، ياقۇپنىڭ باشقا ئوغۇللىرى شەھەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، سىڭلىسى ئۈچۈن ئىنتىقام ئالدى. ئۇلار قوي، كالا، ئېشەكلىرىنى ۋە شەھەرنىڭ باغ-ۋارانلىرىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى بۇلاپ كەتتى. شۇنداقلا، ئۇلار يەنە بارلىق بايلىقلىرىنى، خوتۇن-قىزلىرىنى، بالىلىرىنى ھەمدە ئۆيلىرىدىكى بار بىساتلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى. ياقۇپ شىمون بىلەن لاۋىيغا: - سىلەر مېنى بالاغا تىقتىڭلار. بۈگۈندىن باشلاپ، قانانلىقلار، پەرىزىلەر ۋە بۇ يەردىكى باشقا قەبىلىلەر ماڭا ئۆچمەنلىك قىلىدۇ. بىزنىڭ ئادەم سانىمىز ئاز، ئەگەر ئۇلار بىرلىشىپ بىزگە ھۇجۇم قىلسا، پۈتۈن ئائىلىمىز ھالاك بولىدۇ، - دېدى. لېكىن، ئۇلار: - ئۇنداقتا، ئۇلار سىڭلىمىزغا پاھىشە ئايالغا قىلغان مۇئامىلىنى قىلسۇنمۇ؟! - دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتى. خۇدا ياقۇپقا: - سەن ئاكاڭ ئەساۋدىن قېچىپ ھارانغا ماڭغىنىڭدا، بەيتەل شەھىرىدە ساڭا كۆرۈنگەن خۇدا مەن بولىمەن. سەن ئەمدى بەيتەلگە بېرىپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ قال ۋە مەن ئۈچۈن بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسا، - دېدى. بۇ چاغدا، ياقۇپ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرگە ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقانلارغا: - سىلەر بۇتلىرىڭلارنى تاشلىۋېتىپ، ئۆزۈڭلارنى پاكلاپ پاكىز كىيىملەرنى كىيىڭلار. بىز بۇ يەردىن ئايرىلىپ، بەيتەل شەھىرىگە بارىمىز. مەن ئۇ يەردە خۇداغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىماقچىمەن. چۈنكى، مەن قىيىنچىلىققا ئۇچراپ، مۇساپىر بولۇپ يۈرگەن ۋاقتىمدا، خۇدا ماڭا ياردەم قىلىپ، ماڭا يار بولغانىدى، - دېدى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار پۈتۈن بۇتلىرىنى ۋە قۇلىقىدىكى ھالقىلارنى ياقۇپقا تاپشۇردى. ياقۇپ بۇ نەرسىلەرنى شەكەم شەھىرىگە يېقىن جايدىكى دۇب دەرىخىنىڭ تۈۋىگە كۆمۈپ قويدى. ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى يولغا چىققان ۋاقىتتا، خۇدا ئەتراپتىكى شەھەرلەرنىڭ خەلقلىرىگە قورقۇنچ سېلىپ، ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان قىلىپ قويدى. ياقۇپ پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن قانان رايونىنىڭ لۇز دېگەن يېرىگە، يەنى ھازىر بەيتەل دەپ ئاتىلىدىغان جايغا يېتىپ كەلدى. ياقۇپ ئۇ يەردە بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئۇ يەرنى ئەل-بەيتەل [مەنىسى «بەيتەلدىكى خۇدا»] دەپ ئاتىدى. چۈنكى، ئۇ ئاكىسىدىن قېچىپ ھارانغا ماڭغاندا، خۇدا ئۇ يەردە ئۇنىڭغا كۆرۈنگەنىدى. بەيتەلگە كەلگەندىن كېيىن، رىبەقانىڭ ئىنىكئانىسى دېبورا ۋاپات بولدى. ئۇ بەيتەلنىڭ جەنۇبىدىكى چوڭ بىر دۇب دەرىخىنىڭ تۈۋىگە دەپنە قىلىندى. ئۇ دەرەخ ئاللون-باقۇت [مەنىسى «كۆز يېشى دەرىخى»] دەپ ئاتالدى. ياقۇپ پاددان-ئاررام رايونىدىن بەيتەلگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، خۇدا ئۇنىڭغا يەنە كۆرۈنۈپ، بەخت ئاتا قىلىپ: - بۇنىڭدىن كېيىن ياقۇپ ئەمەس، ئىسرائىل ئاتىلىسەن، - دېدى. شۇنىڭ بىلەن، خۇدا ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىسرائىلغا ئۆزگەرتكەنلىكىنى تەكرارلىدى. خۇدا ئۇنىڭغا: - مەن ھەممىگە قادىر خۇدادۇرمەن. سەن نۇرغۇن ئەۋلاد تېپىپ كۆپەيگىن. نۇرغۇن خەلقلەر سېنىڭ نەسلىڭدىن بارلىققا كېلىدۇ. سەن نۇرغۇن پادىشاھلارنىڭ بوۋىسى بولىسەن. مەن ئىبراھىمغا ۋە ئىسھاققا ۋەدە قىلىپ بەرمەكچى بولغان زېمىننى ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغىمۇ تەقدىم قىلىمەن، - دېدى. خۇدا بۇ سۆزنى قىلىپ بولۇپ، ياقۇپ بىلەن سۆزلەشكەن يەردىن ئايرىلدى. ياقۇپ خۇدا ئۆزىگە سۆزلىگەن جايدا بىر خاتىرە تاش تىكلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇداغا ئاتاپ شاراب ۋە ياغ تۆكتى. ئۇ خۇدا ئۆزىگە كۆرۈنگەن بۇ جاينى بەيتەل [مەنىسى «خۇدانىڭ ئۆيى»] دەپ ئاتىدى. ياقۇپ ۋە ئائىلىسىدىكىلەر بەيتەلدىن يولغا چىقىپ، ئەفراتا شەھىرىگە ئاز قالغاندا، راھىلەنىڭ تولغىقى تۇتۇپ، تۇغۇتى قىيىن بولدى. تولغاق چىدىغۇسىز قاتتىق كەلگەندە، تۇغۇت ئانىسى ئۇنىڭغا: - قورقما، يەنە بىر ئوغۇل تۇغىسەن، - دېدى. ئۇنىڭ جېنى تۇمشۇقىغا كېلىپ، نەپىسى توختاي دېگەندە، بالىسىغا بىنئونى [مەنىسى «قايغۇلۇق ئوغلۇم»] دەپ ئىسىم قويدى. بالىنىڭ دادىسى بولسا ئۇنىڭغا بىنيامىن [مەنىسى «ئامەتلىك بالا»] دەپ ئىسىم قويدى. راھىلە ۋاپات بولۇپ، ئەفراتاغا، يەنى ھازىر «بەيتلەھەم» دەپ ئاتىلىدىغان شەھەرگە ماڭىدىغان يولنىڭ بويىغا دەپنە قىلىندى. ياقۇپ راھىلەنىڭ قەبرىسىنىڭ ئۈستىگە بىر تاش ئابىدە قويغانىدى. بۇ تاش ھازىرغىچە بار. ئاندىن، ئىسرائىل [ياقۇپ] ئۆز سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مىگدال-ئېدىر دېگەن يەردىن ئۆتۈپ چېدىرىنى تىكتى. ئىسرائىل ئۇ يەردە تۇرغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبېن ئاتىسىنىڭ كىچىك خوتۇنى بىلھا بىلەن بىر ئورۇندا يېتىپ، زىنا قىلدى. ئىسرائىل بۇنىڭدىن خەۋەر تاپتى. ياقۇپنىڭ ئون ئىككى ئوغلى بولۇپ، لېياھتىن تۇغۇلغانلىرى: تۇنجى ئوغلى رۇبېن، ئاندىن شىمون، لاۋىي، يەھۇدا، ئىسساكار ۋە زەبۇلۇنلاردۇر. راھىلەدىن تۇغۇلغانلىرى: يۈسۈپ ۋە بىنيامىندۇر. راھىلەنىڭ دېدىكى بىلھادىن تۇغۇلغانلىرى: دان ۋە نافتالىدۇر. لېياھنىڭ دېدىكى زىلپادىن تۇغۇلغانلىرى بولسا: گاد ۋە ئاشېردۇر. بۇ ئوغۇللارنىڭ ھەممىسى پاددان-ئاررامدا تۇغۇلغانىدى. ياقۇپ ئاتىسى ئىسھاقنىڭ يېنىغا، يەنى مامرە دېگەن يەرگە كەلدى. مامرە بولسا كىرىئات-ئاربا، يەنى ھىبروننىڭ يېنىدا بولۇپ، بۇ دەل ئىبراھىم بىلەن ئىسھاق تۇرغان جاي ئىدى. ئىسھاق يۈز سەكسەن ياش ئۆمۈر كۆردى. ئۇ ئۇزۇن ياشاپ، ئەجدادلىرىنىڭ قېشىغا كەتتى. ئۇنى ئوغۇللىرى ئەساۋ بىلەن ياقۇپ دەپنە قىلدى. تۆۋەندىكىلەر ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. ئەساۋنىڭ يەنە بىر ئىسمى ئىدوم ئىدى. ئەساۋ بىرقانچە قانان قىزلىرىنى ئەمرىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلار خىتلاردىن ئېلوننىڭ قىزى ئادە، ھىۋىلاردىن زىبىئوننىڭ ئوغلى ئاناھنىڭ قىزى ئوھولىباما، ئىسمائىلنىڭ قىزى، نېبايوتنىڭ سىڭلىسى باسىماتلاردۇر. ئادەدىن ئەلىفاز تۇغۇلدى. باسىماتتىن رەئۇل تۇغۇلدى. ئوھولىبامادىن يېئۇش، يالام ۋە كوراھلار تۇغۇلدى. ئەساۋنىڭ بۇ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى قاناندا تۇغۇلدى. ئەساۋ ئاياللىرى، پەرزەنتلىرى، ئائىلىسىدىكى پۈتۈن ئادەملىرى، پۈتۈن قوي-كالا ۋە قاناندا تاپقان مال-مۈلۈكلىرىنى ئېلىپ، ئىنىسى ياقۇپتىن ئايرىلىپ، باشقا يەرگە كۆچۈپ كەتتى. بۇ ئىككىيلەننىڭ قوي-كالا ۋە باشقا تەئەللۇقاتلىرى نۇرغۇن بولغاچقا، بۇ يەر ئۇلارغا يېتىشمىگەنىدى. شۇڭا ئەساۋ، يەنى ئىدوم سەئىر تاغلىق رايونىغا بېرىپ تۇردى. تۆۋەندىكىلەر ئېدىرلىق رايونى سەئىردىكى ئىدوملۇقلارنىڭ ئاتىسى ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. ئەساۋنىڭ ئايالى ئوھولىباما زىبىئوننىڭ نەۋرىسى بولسا، ئاناھنىڭ قىزى بولۇپ، ئۇ ئەساۋغا ئۈچ ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. ئۇلار: يېئۇش، يالام ۋە كوراھلاردۇر. ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكى قەبىلىلەرنىڭ قەبىلە باشلىقلىرى بولدى: ئەساۋنىڭ تۇنجى ئوغلى ئەلىفاز ئىدوم رايونىدىكى تىمان، ئومار، زەفو، كەناز، كوراھ، گاتام ۋە ئامالەك قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ ئاتىسىدۇر. يۇقىرىدىكى قەبىلىلەرنىڭ نامى ئەساۋنىڭ ئايالى ئادەدىن بولغان ئەۋلادلارنىڭ ئىسىملىرىدۇر. ئەساۋنىڭ ئوغلى رەئۇل بولسا ئىدوم رايونىدىكى ناھات، زەراھ، شامما ۋە مىززا قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ ئاتىسىدۇر. يۇقىرىدىكى قەبىلىلەرنىڭ نامى ئەساۋنىڭ ئايالى باسىماتتىن بولغان ئەۋلادلارنىڭ ئىسىملىرىدۇر. يېئۇش، يالام ۋە كوراھلار ئەساۋنىڭ ئايالى ئاناھنىڭ قىزى ئوھولىبامادىن تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇلار ئۆز ناملىرىدىكى قەبىلىلەرنىڭ ئاتىسىدۇر. يۇقىرىدىكى قەبىلىلەر ۋە قەبىلە باشلىقلىرى ئەساۋ، يەنى ئىدومنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. لوتاننىڭ ئوغۇللىرى: ھورى ۋە ھىمام بولۇپ، تىمنا بولسا لوتاننىڭ سىڭلىسىدۇر. شوبالنىڭ ئوغۇللىرى: ئالۋان، ماناھات، ئەبال، شېفو ۋە ئوناملاردۇر. زىبىئوننىڭ ئوغۇللىرى: ئاييا ۋە ئاناھتۇر. (چۆلدە ئاتىسىنىڭ ئېشەكلىرىنى بېقىۋېتىپ، ئارشاڭلارنى بايقىغان دەل مانا شۇ ئاناھ ئىدى.) ئاناھنىڭ بالىلىرى: ئوغلى دىشون ۋە قىزى ئوھولىبامادۇر. دىشوننىڭ ئوغۇللىرى: ھەمدان، ئەشبان، ئىتران ۋە كەرانلاردۇر. ئەزەرنىڭ ئوغۇللىرى: بىلھان، زائاۋان ۋە ئاكانلاردۇر. دىشاننىڭ ئوغۇللىرى: ئۇز ۋە ئارراندۇر. ئىسرائىللارنىڭ تېخى پادىشاھى بولماستا، تۆۋەندىكى پادىشاھلار ئىدومغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى: بېئورنىڭ ئوغلى بېلا. ئۇ تۇرغان شەھەرنىڭ ئىسمى دىنھابا ئىدى. بېلا ئۆلگەندىن كېيىن، ئورنىغا بوسرالىق زەراھنىڭ ئوغلى يوباب چىقتى. يوباب ئۆلگەندىن كېيىن، ئورنىغا تەمانى رايونىدىن كەلگەن خۇشام چىقتى. خۇشام ئۆلگەندىن كېيىن، ئورنىغا بېدادنىڭ ئوغلى خاداد چىقتى. ئۇ مىدىيانلارنى موئابتا تارمار قىلغان. ئۇ تۇرغان شەھەرنىڭ ئىسمى ئاۋىت ئىدى. خاداد ئۆلگەندىن كېيىن، ئورنىغا ماسرىقالىق ساملا چىقتى. ساملا ئۆلگەندىن كېيىن، ئورنىغا دەريا بويىغا جايلاشقان رىھۇبوتتىن كەلگەن شائۇل چىقتى. شائۇل ئۆلگەندىن كېيىن، ئورنىغا ئاكبورنىڭ ئوغلى بائال-خانان چىقتى. ئاكبورنىڭ ئوغلى بائال-خانان ئۆلگەندىن كېيىن، ئورنىغا خاداد چىقتى. ئۇ تۇرغان شەھەرنىڭ ئىسمى پائۇ ئىدى. ئۇنىڭ ئايالى مەھېتابېل بولسا مېزاھابنىڭ قىزى بولغان ماترىدنىڭ قىزى ئىدى. ياقۇپ ئۆز ئاتىسى تۇرغان قانان رايونىدا ئولتۇراقلىشىپ قالدى. تۆۋەندىكىلەر ياقۇپ ئائىلىسىنىڭ ئىش-ئىزلىرىدۇر. يۈسۈپ ئون يەتتە ياشقا كىرگەن چاغلىرىدا، ھەمىشە ئاتىسىنىڭ كىچىك خوتۇنلىرى بىلھا ۋە زىلپانىڭ ئوغۇللىرىغا ياردەملىشىپ، قوي باققىلى چىقاتتى. ئۇ ئاكىلىرىنىڭ قىلغان يامان ئىشلىرىنى ئاتىسىغا مەلۇم قىلىپ تۇراتتى. ئىسرائىل يۈسۈپنى باشقا ئوغۇللىرىدىن بەكرەك ياخشى كۆرەتتى. چۈنكى، يۈسۈپ ئۇنىڭ قېرىغان ۋاقتىدا تاپقان بالىسى ئىدى. ئىسرائىل يۈسۈپكە بىر ئالا تون تىكتۈرۈپ بەردى. ئاتىلىرىنىڭ ئۇنى ئۆزلىرىدىن ئارتۇق كۆرىدىغانلىقىنى سەزگەن ئاكىلىرى يۈسۈپكە شۇنچىلىك ئۆچمەنلىك قىلاتتىكى، ھەتتا ئۇنىڭغا سىلىق گەپمۇ قىلمايتتى. بىر كۈنى يۈسۈپ چۈش كۆرۈپ، ئۇنى ئاكىلىرىغا ئېيتىپ بەردى. ئۇلار ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدىنمۇ ئۆچ بولۇپ كەتتى. ئۇ: - قۇلاق سېلىڭلار! كۆرگەن چۈشۈمنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرەي. بىز ھەممەيلەن ئېتىزدا بۇغداي باغلاۋاتقۇدەكمىز. مېنىڭ باغلىغان بۇغدىيىم تىكلىنىپ تۈز تۇرغۇدەك، سىلەرنىڭ باغلىغانلىرىڭلار مېنىڭكىنىڭ ئەتراپىدا بېشىنى ئېگىپ تەزىم قىلىپ تۇرغۇدەك! - دېدى. ئاكىلىرى ئۇنىڭدىن: - سەن پادىشاھ بولۇپ، بىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلماقچىمۇ؟ - دەپ سورىدى. يۈسۈپ چۈشىنى ئاكىلىرىغا ئۆرۈپ بەرگەنلىكىدىن، ئۇلار ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئۆچ بولۇپ كەتتى. كېيىن، يۈسۈپ يەنە بىر چۈش كۆرۈپ، ئۇنىمۇ ئاكىلىرىغا ئېيتىپ بېرىپ، ئۇلارغا: - مەن يەنە بىر چۈش كۆرۈپتىمەن. چۈشۈمدە قۇياش، ئاي، ۋە ئون بىر يۇلتۇز ماڭا تەزىم قىلىپ تۇرغۇدەك! - دېدى. يۈسۈپ بۇ چۈشنى ئاتىسىغىمۇ ئېيتىپ بەردى. ئاتىسى ئۇنى ئەيىبلەپ: - قانداق چۈش بۇ؟ سەن ئاناڭ، ئاكىلىرىڭ ۋە مېنىڭ ساڭا باش ئېگىپ تەزىم قىلىشىمىزنى ئويلامسەن؟ - دېدى. بۇنىڭ بىلەن، يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى ئۇنىڭغا ئىنتايىن ھەسەت قىلىشىدىغان بولۇپ قالدى. لېكىن، ئاتىسى بۇ ئىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويدى. بىر كۈنى، يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى شەكەمدىكى يايلاققا ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى باققىلى بارغانىدى. ئىسرائىل يۈسۈپكە: - ئاكىلىرىڭ شەكەمدە قوي بېقىۋاتىدۇ. سەن ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ يوقلاپ كەلگىن، - دېدى. - ماقۇل، باراي، - دەپ جاۋاب بەردى يۈسۈپ. ئاتىسى ئۇنىڭغا: - سەن ئاكىلىرىڭنىڭ ۋە پادىلارنىڭ ئامان-ئېسەن ياكى ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ كېلىپ، ماڭا خەۋەر قىلغىن، - دېدى. بۇنىڭ بىلەن، ئاتىسى ھىبرون جىلغىسىدىن ئۇنى يولغا سالدى. يۈسۈپ شەكەمگە بېرىپ، دالادا ئاكىلىرىنى ئىزدەپ يۈرگەندە، بىر كىشى ئۇنى كۆرۈپ: - كىمنى ئىزدەيسەن؟ - دەپ سورىدى. - ئاكىلىرىمنى ئىزدەۋاتىمەن. ئۇلارنىڭ قەيەردە قوي بېقىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەرسىڭىز، - دېدى ئۇ. ئۇ كىشى: - ئۇلار كېتىپ قالدى. ئۇلارنىڭ دوتانغا بارماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلىدىم، - دېدى. شۇنىڭ بىلەن، يۈسۈپ ئاكىلىرىنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، ئۇلارنى دوتاندىن تاپتى. ئۇلار يۈسۈپنى يىراقتىن كۆرۈپ، ئۇ يېتىپ كەلگۈچە مەسلىھەتلىشىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولۇشتى. ئۇلار ئۆزئارا: - ھېلىقى چۈش پىرى كەپتۇ. مۇنداق قىلايلى! بىز ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆلۈكىنى سۈيى قۇرۇپ كەتكەن قۇدۇققا تاشلىۋېتىپ، يىرتقۇچ ھايۋان يەپ كېتىپتۇ، دەيلى. قېنى، ئۇنىڭ چۈشىنىڭ ئەمەلگە ئاشقىنىنى بىر كۆرەيلى، - دېيىشتى. ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىنى ئاڭلىغان رۇبېن يۈسۈپنى قۇتقۇزۇۋالماقچى بولۇپ: - ئۇنى ئۆلتۈرسەك بولمايدۇ! ئۇنى زەخىملەندۈرمەي، چۆلدىكى سۈيى قۇرۇپ كەتكەن بۇ قۇدۇققا تاشلىۋەتسەكلا بولدى، - دېدى. ئۇنىڭ بۇنداق دېيىشىدىكى مەقسەت، كېيىن يۈسۈپنى بىر ئامال قىلىپ ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئاتىسىغا قايتۇرۇپ بېرىش ئىدى. ئۇلار تاماققا ئولتۇرغىنىدا، بىر توپ ئىسمائىل قەبىلىسىدىن بولغان سودىگەرلەر كارۋىنىنىڭ گىلىئادتىن مىسىر تەرەپكە كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇلار تۆگىلىرىگە دورا-دەرمان، مەلھەم ۋە مۇرمەككىلەرنى ئارتىپ كەلگەنىدى. يەھۇدا ئۆز قېرىنداشلىرىغا: - بىزنىڭ ئۆز ئىنىمىزنى ئۆلتۈرۈپ، جىنايىتىمىزنى يوشۇرۇشىمىزنىڭ پايدىسى نېمە؟ ئۇنى ئۆزىمىز قول سېلىپ ئۆلتۈرگىنىمىزدىن كۆرە، ئىسمائىللارغا سېتىۋەتكىنىمىز تۈزۈك. ئۇ قانداقلا بولمىسۇن بىزنىڭ ئىنىمىز، بىزنىڭ قان قېرىندىشىمىز، - دېدى. قېرىنداشلىرى بۇنىڭغا قوشۇلدى. شۇڭا، مىدىياندىن كەلگەن ئىسمائىل قەبىلىسىدىكى سودىگەرلەر ئۇ يەردىن ئۆتكەندە، يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى ئۇنى قۇدۇقتىن چىقىرىپ، يىگىرمە كۈمۈش تەڭگىگە باھالىشىپ، ئىسمائىللارغا سېتىۋەتتى. بۇ كىشىلەر يۈسۈپنى مىسىرغا ئېلىپ كەتتى. يۈسۈپ سودىگەرلەرگە سېتىلغاندا، رۇبېن يوق ئىدى. ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، قۇدۇقنىڭ يېنىغا بېرىپ، يۈسۈپنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ، ئېچىنغان ھالدا كىيىملىرىنى يىرتىپ، قېرىنداشلىرى تۇرغان يەرگە بېرىپ: - يۈسۈپ يوق تۇرىدۇ! ئۆيگە قانداق بارىمەن؟ - دېدى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۆچكىدىن بىرنى بوغۇزلاپ، يۈسۈپنىڭ ئالا تونىنى ئۆچكىنىڭ قېنىغا مىلەپ، ئاتىسىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ: - بىز بۇ ئالا توننى تېپىۋالدۇق، بۇ يۈسۈپنىڭمۇ قانداق؟ - دېدى. ياقۇپ بۇ توننى تونۇپ: - بۇ مېنىڭ ئوغلۇمنىڭغۇ! ئۇ جەزمەن يىرتقۇچ ھايۋانلارغا يەم بوپتۇ! - دېدى. ياقۇپ ھەسرەتتە كىيىملىرىنى يىرتىپ تاشلاپ، ماتەم كىيىمىنى كىيىپ، ئوغلى ئۈچۈن ئۇزۇنغىچە ھازا تۇتتى. ئۇنىڭ قىز-ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا تەسەللى بەرسىمۇ، قوبۇل قىلمىدى. ئۇ: - مەن تاكى ئۆلگۈچە، ئوغلۇمغا ھازا تۇتىمەن! - دېدى. ئۇ ئوغلى يۈسۈپ ئۈچۈن داۋاملىق ھەسرەت چەكتى. شۇ ئارىلىقتا، مىدىياندىن كەلگەن ھېلىقى سودىگەرلەر يۈسۈپنى مىسىرغا ئاپىرىپ، ئۇنى پادىشاھنىڭ بىر ئەمەلدارى - ياساۋۇللار باشلىقى پوتىفارغا سېتىۋەتكەنىدى. شۇ كۈنلەردە، يەھۇدا ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىدىن كېتىپ، ئادۇللام يېزىسىدىكى ھىرا دېگەن كىشىنىڭ يېنىغا چۈشتى. يەھۇدا ئۇ يەردە ئىمانسىز قانانلىق شۇئانىڭ قىزى بىلەن تونۇشۇپ، ئۇنى نىكاھىغا ئالدى. قىز ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. يەھۇدا ئۇنىڭ ئىسمىنى ئېر قويدى. قىز يەنە ھامىلىدار بولۇپ، ئىككىنچى ئوغلىنى تۇغدى. ئۇنىڭ ئىسمىنى ئونان قويدى. كېيىن، ئۈچىنچى ئوغلىنى تۇغدى. ئۇنىڭ ئىسمىنى شالاھ قويدى. شالاھ تۇغۇلغاندا، ئۇلار كەزىب دېگەن يەردە ئىدى. يەھۇدا تۇنجى ئوغلى ئېرگە تامار ئىسىملىك بىر قىزنى ئېلىپ بەردى. ئېرنىڭ قىلىقى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاچقا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ جېنىنى ئالدى. بۇ چاغدا، يەھۇدا ئېرنىڭ ئىنىسى ئونانغا: - سەن بېرىپ يەڭگەڭ بىلەن ئۆيلىنىپ، ئاكاڭنىڭ نەسلىنى داۋاملاشتۇر. بۇ سېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك بۇرچۇڭ، - دېدى. لېكىن، ئونان تۇغۇلىدىغان بالا ئۆزىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ، ھەر قېتىم يەڭگىسى بىلەن بىر ئورۇندا ياتقاندا ئاكىسىغا نەسىل قالدۇرماسلىق ئۈچۈن، مەقسەتلىك ھالدا مەنىنى يەرگە ئاقتۇرۇۋېتەتتى. ئۇنىڭ قىلمىشلىرى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاچقا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭمۇ جېنىنى ئالدى. ئاندىن، يەھۇدا كېلىنى تامارغا: - ئوغلۇم شالاھ چوڭ بولغۇچە، ئاتاڭنىڭ ئۆيىدە تۇل ئولتۇرۇپ تۇرغىن، - دېدى. ئۇ شالاھنىڭمۇ ئىككى ئاكىسىدەك ئۆلۈپ كېتىشىدىن قورقۇپ، شۇنداق دېگەنىدى. شۇڭا، تامار ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەتتى. مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن، يەھۇدانىڭ ئايالى بولغان شۇئانىڭ قىزى ئالەمدىن ئۆتتى. قارىلىق تۇتۇش ۋاقتى ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ ئادۇللاملىق دوستى ھىرا بىلەن بىللە تىمناھ دېگەن يەرگە باردى. ئۇ يەردە ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرى قوي قىرقىۋاتاتتى. بىرەيلەن تامارغا قېيناتىسىنىڭ تىمناھ دېگەن يەرگە قوي قىرقىغىلى بارىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان تامار تۇل خوتۇنلۇق كىيىمىنى سېلىۋېتىپ، باشقا كىيىملەرنى كىيىۋېلىپ، باشقىلارغا ئۆزىنى تونۇتماسلىق ئۈچۈن يۈزىگە چۈمپەردە تارتىپ، تىمناھ يولى ئۈستىدىكى ئېنائىم شەھىرىنىڭ دەرۋازىسىغا بېرىپ ئولتۇردى. چۈنكى، ئۇ يەھۇدانىڭ كىچىك ئوغلى شالاھ چوڭ بولۇپ قالغان بولسىمۇ، يەھۇدانىڭ ئۆزىنى ئۇنىڭغا نىكاھلىمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنىدى. يەھۇدا ئۇنى كۆرگىنىدە، پاھىشە ئايال دەپ قارىدى، چۈنكى ئۇ يۈزىنى يېپىۋالغانىدى. يەھۇدا ئۇنىڭ ئۆز كېلىنى ئىكەنلىكىنى بىلمەي، يولنىڭ چېتىگە بېرىپ، ئۇنىڭدىن: - نېمە تەلەپ قىلىسەن؟ - دەپ سورىدى. - مەن بىلەن بىر ئورۇندا ياتسىڭىز، ماڭا نېمە بېرىسىز؟ - دېدى تامار. - ماللىرىمنىڭ ئىچىدىن بىر ئوغلاق ئەۋەتىپ بېرىمەن، - دەپ جاۋاب بەردى ئۇ. - خوپ، ئوغلاقنى ئەكېلىپ بەرگۈچە، بىرەر نەرسىڭىزنى گۆرۈگە قويۇپ كېتىڭ، - دېدى تامار. - گۆرۈگە نېمە تەلەپ قىلىسەن؟ - دەپ سورىدى ئۇ. تامار: - بوينىڭىزغا ئېسىقلىق مۆھرىڭىز بىلەن قولىڭىزدىكى ھاسىڭىزنى، - دېدى. شۇنىڭ بىلەن، يەھۇدا بۇ نەرسىلەرنى تامارغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى، تامار ھامىلىدار بولۇپ قالدى. تامار ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ بېرىپ، يۈزىدىكى چۈمپەردىسىنى ئېلىۋېتىپ، تۇللۇق كىيىملىرىنى قايتا كىيىۋالدى. يەھۇدا دوستى ھىرانى ئۇ ئايالغا بىر ئوغلاق ئاپىرىپ بېرىپ، گۆرۈگە قويغان نەرسىلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىشكە ئەۋەتتى. لېكىن، ھىرا ئۇنى تاپالمىدى. ھىرا ئېنائىم شەھىرىدىكى كىشىلەردىن: - بۇرۇن يول بويىدا تۇرغان ھېلىقى پاھىشە ئايال نەگە كەتتى؟ - دەپ سورىدى. ئۇلار: - بۇ يەردە پاھىشە ئايال زادىلا بولۇپ باقمىغان، - دەپ جاۋاب بېرىشتى. ھىرا يەھۇدانىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: - ئۇنى تاپالمىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە، شۇ يەرلىك كىشىلەر: «بۇ يەردە پاھىشە ئايال بولۇپ باققان ئەمەس!» دېيىشىدۇ، - دېدى. يەھۇدا ئۇنىڭغا: - بوپتۇ، ئۇ نەرسىلەرنى ئالسا ئالسۇن، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالمايلى. ھەر ھالدا مەن ئوغلاقنى ئەۋەتتىم. بىراق، سەن ئۇنى تاپالماپسەن، - دېدى. ئۈچ ئايچە ئۆتكەندىن كېيىن، بىرەيلەن يەھۇداغا: - كېلىنىڭ تامار بۇزۇقچىلىق قىلىپ، ھامىلىدار بوپتۇ، - دېدى. - ئۇنى ئەكېلىپ ئوتقا تاشلاڭلار! - دەپ غەزەپ بىلەن بۇيرۇق قىلدى يەھۇدا. تامار ئۆيدىن ئېلىپ چىقىلغاندا، قېيناتىسىغا ئادەم ئەۋەتىپ: - مەن بۇ نەرسىلەرنىڭ ئىگىسىدىن ھامىلىدار بولدۇم. قاراپ بېقىڭ! بۇ مۆھۈر ۋە ھاسا كىمنىڭ؟ - دېدى. يەھۇدا بۇ نەرسىلەرنى تونۇپ: - بۇنىڭغا مەن ئەيىبلىك! مەن ئەسلىدە ئۇنى ئوغلۇم شالاھقا ئېلىپ بېرىشىم كېرەك ئىدى، - دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن، يەھۇدا ئۇنىڭ بىلەن قايتا بىر ئورۇندا ياتمىدى. تامار ئاي-كۈنى توشقاندا، قوشكېزەككە ھامىلىدار بولغانلىقىنى بىلدى. ئۇنىڭ تولغىقى تۇتۇپ، بىر بالىنىڭ بىر قولى چىقتى. تۇغۇت ئانىسى ئۇ قولنى تۇتۇپ، ئۇنىڭغا قىزىل يىپ باغلاپ قويۇپ: - بۇ ئاۋۋال تۇغۇلغىنى، - دېدى. لېكىن، بالا قولىنى تارتىپ ئەكىرىپ كېتىپ، يەنە بىرى ئاۋۋال تۇغۇلدى. شۇڭا، تۇغۇت ئانىسى: - سەن تالىشىپ، قانداقمۇ قېرىندىشىڭنىڭ ئالدىدا چىقىۋالدىڭ؟ - دەپ، بالىنىڭ ئىسمىنى پارەس [مەنىسى «تالىشىپ چىققان»] دەپ قويدى. كەينىدىن، قىزىل يىپ باغلاپ قويۇلغىنى تۇغۇلدى. ئۇنىڭ قولىغا قىپقىزىل يىپ باغلانغان بولغاچقا، ئۇنىڭغا زەراھ [مەنىسى «قىپقىزىل»] دەپ ئىسىم قويدى. ئىسمائىل قەبىلىسىدىكى سودىگەرلەر يۈسۈپنى مىسىرغا ئەكېلىپ، مىسىر پادىشاھىنىڭ بىر ئەمەلدارى - ياساۋۇللار باشلىقى پوتىفارغا ساتقانىدى. پەرۋەردىگار يۈسۈپكە يار بولۇپ، ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ئوڭ قىلدى. ئۇ مىسىرلىق خوجايىنىنىڭ ئۆيىدە تۇردى. پوتىفار پەرۋەردىگارنىڭ يۈسۈپكە يار بولۇپ، ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ئوڭ قىلغانلىقىنى بايقىدى. پوتىفار ئۇنىڭدىن رازى بولۇپ، ئۇنى شەخسىي ياردەمچى قىلىپ، ئائىلە ئىشلىرى ۋە پۈتۈن تەئەللۇقاتىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىدى. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، پەرۋەردىگار پوتىفارنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىگە، مال-چارۋىلىرىغا ۋە تېرىقچىلىقىغا بەخت ئاتا قىلدى. پوتىفار ھەممىنى يۈسۈپنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇپ، ئۆزىنىڭ يېمەك-ئىچمىكىدىن باشقا ھېچ ئىش بىلەن كارى بولمايدىغان بولدى. يۈسۈپ كېلىشكەن، چىرايلىق يىگىت ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇنىڭغا خوجايىنىنىڭ ئايالىنىڭ كۆزى چۈشۈپ قېلىپ، ئۇنىڭغا: - كەل، مەن بىلەن بىر ئورۇندا يات! - دېدى. يۈسۈپ رەت قىلىپ: - ئويلاپ كۆرۈڭ، خوجايىنىم بارلىق تەئەللۇقاتىنى مېنىڭ باشقۇرۇشۇمغا تاپشۇردى. مەن بولغاچقا، ئۇ پۈتۈن ئائىلە ئىشلىرىغا باش قاتۇرمايدۇ. بۇ ئائىلىدە مەن ئۇنىڭغا ئوخشاش ھوقۇقلۇق. سىزدىن باشقا ھەممىنى ماڭا تاپشۇردى. سىز ئۇنىڭ ئايالى تۇرسىڭىز، مەن قانداقمۇ بۇنداق ئەخلاقسىز ئىشنى قىلىپ، خۇدانىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولاي؟ - دېدى. پوتىفارنىڭ ئايالى ھەر كۈنى شېرىن سۆزلەر بىلەن يۈسۈپنى ئۆزىگە تارتسىمۇ، يۈسۈپ ئۇنىڭ بىلەن بىر ئورۇندا ياتماق تۈگۈل، ئۇنىڭ بىلەن بىر يەردە ئولتۇرۇشنىمۇ رەت قىلىپ كەلدى. بىر كۈنى، يۈسۈپ ئۆز ئىشى بىلەن ئۆيگە كىردى. ئۇ چاغدا، ئۆيدە باشقا خىزمەتچىلەر يوق ئىدى. پوتىفارنىڭ ئايالى يۈسۈپنىڭ تونىغا ئېسىلىۋېلىپ: - كەلگىن، بىر ئورۇندا ياتايلى! - دېدى. بىراق، يۈسۈپ قېچىپ، تاشقىرىغا چىقىپ كەتتى. تونى بولسا ئايالنىڭ قولىدا قالدى. ئۇ يۈسۈپنىڭ تونىنى تاشلاپ قېچىپ چىقىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ، چۇقان سېلىپ، ئۆي خىزمەتچىلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا: - قاراڭلار، ئېرىم ئەكەلگەن ئىبرانىي قۇل بىزگە ھاقارەت كەلتۈردى. ئۇ مېنىڭ ھۇجرامغا كىرىپ، نومۇسۇمغا تەگمەكچى بولغانىدى، مەن ئاۋازىمنىڭ بارىچە ۋارقىرىدىم. ئۇ مېنىڭ ۋارقىرىغىنىمنى ئاڭلاپ، تونىنى ئېلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي، قېچىپ چىقىپ كەتتى، - دېدى. ئۇ يۈسۈپنىڭ تونىنى بەرمەي، ئېرىنىڭ كېلىشىنى كۈتتى. ئېرى كەلگەندە، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: - سىز ئەكەلگەن ھېلىقى ئىبرانىي قۇل مېنىڭ ھۇجرامغا كىرىپ، ماڭا ھاقارەت كەلتۈردى. مەن ۋارقىرىغانىدىم، ئۇ تونىنى ئېلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي، قېچىپ چىقىپ كەتتى. يۈسۈپنىڭ خوجايىنى ئايالىنىڭ: «سېنىڭ قۇلۇڭنىڭ ماڭا قىلغان مۇئامىلىسى مانا!» دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن غەزەپلەندى. ئۇ يۈسۈپنى تۇتۇپ، ئوردا زىندانىغا قاماپ قويدى. بۇنىڭ بىلەن، يۈسۈپ ئۇ يەردە قاماقتا بولۇپ قالدى. لېكىن، پەرۋەردىگار يۈسۈپكە يار بولۇپ، ئۇنىڭغا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتتى. شۇڭا، زىندان باشقۇرغۇچى ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنى زىنداندىكى باشقا جىنايەتچىلەرنى باشقۇرۇش ۋە زىندان ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇشقا تەيىنلىدى. يۈسۈپ مەسئۇل بولغان ئىشلارغا زىندان باشقۇرغۇچى باش قاتۇرمايدىغان بولدى. چۈنكى، پەرۋەردىگار يۈسۈپكە يار بولغاچقا، ئۇ باشقۇرغان ھەممە ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولغانىدى. مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، مىسىر پادىشاھىنىڭ باش ساقىيى بىلەن باش ناۋىيى پادىشاھنىڭ ئالدىدا خاتالىق ئۆتكۈزدى. پادىشاھ غەزەپلىنىپ، بۇ ئىككى يۇقىرى ئەمەلدارنى ياساۋۇل مەھكىمىسىدىكى زىندانغا، يۈسۈپ بىلەن بىر يەرگە قامىدى. ياساۋۇل بېگى يۈسۈپنى بۇ ئىككى ئەمەلدارنى كۈتۈشكە ئورۇنلاشتۇردى. ئۇلار زىنداندا بىرمەزگىل بىللە تۇردى. بىر كۈنى كېچىدە باش ساقىي بىلەن باش ناۋاي چۈش كۆردى. ئىككىيلەننىڭ كۆرگەن چۈشلىرىنىڭ مەنىسى ئوخشىمايتتى. ئەتىسى ئەتىگەندە، يۈسۈپ ئۇلارنى يوقلاپ كىرگىنىدە، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنىڭ بىئاراملىقىنى بىلدى. ئۇ ئۇلاردىن: - سىلەر بۈگۈن نېمانچىلا پەرىشان؟ - دەپ سورىدى. ئۇلار: - ئىككىمىز ئاخشام چۈش كۆردۇق. لېكىن، چۈشىمىزنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بېرىدىغان ئادەم يوق، - دەپ جاۋاب بېرىشتى. يۈسۈپ ئۇلارغا: - چۈشكە تەبىر بېرىش قابىلىيىتى خۇدادىن كېلىدۇ. چۈشۈڭلارنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار، - دېدى. بۇنىڭ بىلەن، باش ساقىي مۇنداق دېدى: - چۈشۈمدە ئالدىمدا بىر تۈپ ئۈزۈم كۆچىتىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. كۆچەتتە ئۈچ تال نوتا شاخ بولۇپ، كۆچەت بىخلاش بىلەنلا چېچەكلەپ، مېۋە پىشتى. قولۇمدا پادىشاھنىڭ شاراب جامى بولۇپ، مەن ئۈزۈملەرنى ئۈزۈپ، شىرنىسىنى جامغا سىقىپ، جامنى پادىشاھقا سۇندۇم. يۈسۈپ مۇنداق دېدى: - بۇ چۈشنىڭ مەنىسى مۇنداق: ئۈچ نوتا شاخ - ئۈچ كۈننى كۆرسىتىدۇ. ئۈچ كۈندىن كېيىن، پادىشاھ سىزگە كەڭچىلىك قىلىپ، ئەسلى مەنسىپىڭىزنى بېرىدىكەن. سىز پادىشاھقا بۇرۇن باش ساقىي بولغان ۋاقتىڭىزدىكىدەك يەنە شاراب تۇتىدىكەنسىز. ئەمما، ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولغاندا، مېنى ئۇنتۇپ قالماي، ماڭا ھېسداشلىق قىلغايسىز. پادىشاھ ئالدىدا مەن ئۈچۈن گەپ قىلىپ، زىنداندىن چىقىشىمغا ياردەم قىلغايسىز. مەن ئەسلىدە ئىبرانىيمەن، يۇرتۇمدىن ناھەق تۇتۇپ كېلىنگەنمەن. مىسىردىمۇ مېنى زىندانغا تاشلىغۇدەك بىرەر يامان ئىش قىلغىنىم يوق. يۈسۈپنىڭ باش ساقىينىڭ چۈشىگە ياخشى تەبىر بەرگەنلىكىنى كۆرگەن باش ناۋاي يۈسۈپكە مۇنداق دېدى: - مەنمۇ بىر چۈش كۆرۈپتىمەن. چۈشۈمدە بېشىمدا ئۈچ سېۋەتتە نان بارمىش. ئەڭ ئۈستىدىكى سېۋەتتە پادىشاھ يەيدىغان ھەر خىل ئۇندىن پىشۇرۇلغان نازۇنېمەتلەر بارمىش. لېكىن، ئۇلارنى ئۇچارقاناتلار يەۋاتقۇدەكمىش. يۈسۈپ مۇنداق دېدى: - بۇ چۈشنىڭ مەنىسى مۇنداق: ئۈچ سېۋەت ئۈچ كۈننى كۆرسىتىدۇ. ئۈچ كۈندىن كېيىن، پادىشاھ كاللىڭىزنى ئېلىپ، جەسىتىڭىزنى دەرەخكە ئاسىدىكەن، تېنىڭىزنى بولسا ئۇچارقانات يەيدىكەن. ئۈچ كۈندىن كېيىن، پادىشاھنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولۇپ، پادىشاھ ئۆز ئەمەلدارلىرىغا زىياپەت بەردى. ئۇ باش ساقىي بىلەن باش ناۋاينى زىنداندىن چىقىرىپ، ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئۇ باش ساقىينىڭ مەنسىپىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. باش ناۋاينى بولسا دارغا ئاستى. بۇ ئىشلار دەل يۈسۈپنىڭ تەبىرىدەك بولۇپ چىقتى. لېكىن، باش ساقىي بولسا يۈسۈپنى ئېسىدىن چىقىرىپ، ئۇنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ قالدى. ئىككى يىلدىن كېيىن مىسىر پادىشاھى مۇنداق بىر چۈش كۆردى: چۈشىدە ئۇ نىل دەرياسىنىڭ بويىدا تۇرۇپتۇ. يەتتە تۇياق ساغلام ھەم سېمىز كالا دەريادىن چىقىپ، قىرغاقتىكى قومۇشلۇقتا ئوتلاپتۇ. ئارقىدىن، سەت ۋە قوتۇر يەتتە تۇياق چىقىپ، قىرغاقتىكى ئۇ يەتتە سېمىز كالىنىڭ يېنىدا تۇرۇپتۇ. بۇ يەتتە قوتۇر كالا ھېلىقى يەتتە سېمىز كالىنى يەۋېتىپتۇ. بۇ چاغدا پادىشاھ ئويغىنىپ كېتىپتۇ. ئۇ قايتا ئۇيقۇغا كېتىپ، يەنە بىر چۈش كۆردى: ئۇ بىر تۈپ بۇغداينىڭ تولۇق ۋە يېتىلگەن يەتتە دانە باشاق چىقارغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. كەينىدىن، ھېلىقى بۇغداي يەنە ئىسسىق شامالدىن سولىشىپ قالغان پۇچەك يەتتە باشاق چىقىرىپتۇ. بۇ يەتتە باشاق ھېلىقى تولۇق يېتىلگەن يەتتە باشاقنى يۇتۇۋاپتۇ. پادىشاھ ئويغانسا، بۇ چۈشى ئىكەن. تاڭ ئاتقاندا، پادىشاھ بىئارام بولۇپ، ئادەم ئەۋەتىپ، مىسىردىكى پۈتۈن تەبىرچىلەر بىلەن دانىشمەنلەرنى چاقىرتىپ، چۈشلىرىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بەردى. لېكىن، ئۇنىڭ چۈشلىرىگە ھېچكىم تەبىر بېرەلمىدى. بۇ چاغدا، باش ساقىي پادىشاھقا مۇنداق دېدى: - بۈگۈن ئويلاپ باقسام، مېنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقىم ئېسىمگە كەلدى. بىر قېتىم، جانابلىرى بىزگە قاتتىق غەزەپلىنىپ، باش ناۋاي بىلەن مېنى ياساۋۇل مەھكىمىسىدىكى زىندانغا قامىتىپ قويغانىدىلا. بىر كۈنى كېچىدە، بىز ئىككىلىمىز چۈش كۆرۈپتۇق. كۆرگەن چۈشلىرىمىزنىڭ مەنىسى ئوخشىمايتتى. ئۇ چاغدا، بىر ئىبرانىي ياش بىز بىلەن بىر زىنداندا ئىدى. ئۇ ئەسلىدە ياساۋۇل بېگىنىڭ خىزمەتكارى ئىكەن. ئىككىمىز چۈشىمىزنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەرسەك، ئۇ چۈشىمىزگە تەبىر بەرگەنىدى. نەتىجىدە، ئىشلار دەل ئۇنىڭ تەبىرىدەك بولۇپ چىقتى. جانابلىرى مېنىڭ مەنسىپىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، باش ناۋاينى دارغا ئاستىلا. پادىشاھ يۈسۈپنى چاقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلار دەرھال بېرىپ، ئۇنى زىنداندىن چىقىرىپ، چاچ-ساقاللىرىنى چۈشۈرتۈپ، كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. پادىشاھ ئۇنىڭغا: - مەن بىر چۈش كۆرگەنىدىم. چۈشۈمگە ھېچكىم تەبىر بېرەلمىدى. بىراق ئاڭلىشىمچە، سەن تەبىر بېرەلەيدىكەنسەن، - دېدى. يۈسۈپ: - جانابلىرى، مەن شەخسەن ئۆزۈم چۈشكە تەبىر بېرەلمەيمەن. لېكىن، خۇدا ئۆزلىرىگە ياخشى تەبىر بېرىدۇ، - دەپ جاۋاب بەردى. پادىشاھ مۇنداق دېدى: - چۈشۈمدە مەن نىل دەرياسىنىڭ بويىدا تۇرۇپتىمىشمەن. يەتتە تۇياق ساغلام ھەم سېمىز كالا دەريادىن چىقىپ، قىرغاقتىكى قومۇشلۇقتا ئوتلاۋاتاتتى. ئارقىدىن يەنە يەتتە تۇياق سەت قوتۇر ۋە ئاۋاق كالا دەريادىن چىقتى. مەن بۇرۇن مىسىردا بۇنداق قورقۇنچلۇق كالا كۆرۈپ باقمىغانىدىم. بۇ قوتۇر كالىلار ھېلىقى سېمىز كالىلارنى يەۋەتتى. لېكىن، يەنىلا بۇرۇنقىدەك سەت ئىدىكى، سېمىز كالىلارنى يەۋەتكەندەك تۇرمايتتى. بۇ چاغدا، مەن ئويغىنىپ كەتتىم. كەينىدىن، يەنە بىر چۈش كۆردۈم. چۈشۈمدە بىر تۈپ بۇغداي يەتتە دانە تولۇق ۋە يېتىلگەن باشاق چىقاردى. كەينىدىن، يەنە يەتتە دانە ئىسسىق شامالدىن سولىشىپ كەتكەن ئاجىز ۋە پۇچەك باشاق چىقاردى. بۇ دانسىز باشاقلار ھېلىقى تولۇق يېتىلگەن باشاقلارنى يۇتۇۋەتتى. مەن بۇ چۈشنى تەبىرچىلەرگە ئېيتىپ بەرگەنىدىم، لېكىن ھېچكىم تەبىر بېرەلمىدى. يۈسۈپ پادىشاھقا مۇنداق دېدى: - بۇ ئىككى چۈشنىڭ مەنىسى بىردۇر. خۇدا ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىشلارنى جانابلىرىغا ئالدىن بىلدۈرۈپتۇ. يەتتە سېمىز كالا يەتتە يىلنى كۆرسىتىدۇ. تولۇق يېتىلگەن يەتتە باشاقمۇ يەتتە يىلنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىككى چۈشنىڭ مەنىسى ئوخشاش. كەينىدىن چىققان يەتتە قوتۇر كالا بىلەن ئىسسىق شامالدىن سولىشىپ كەتكەن يەتتە پۇچەك باشاق بولسا يەتتە قەھەتچىلىك يىلنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك، پېقىر ھېلى ئۆزلىرىگە دېگىنىمدەك، خۇدا ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىشلارنى جانابلىرىغا ئالدىن كۆرسىتىپتۇ. پۈتكۈل مىسىردا مىسلى كۆرۈلمىگەن يەتتە باياشاتچىلىق يىل بولىدۇ. كەينىدىن، يەتتە قەھەتچىلىك يىل بولۇپ، پۈتكۈل مىسىرنى ئاچارچىلىق قاپلاپ، ئىلگىرىكى باياشات يىللارنى كىشىلەرنىڭ يادىدىن چىقىرىۋېتىدۇ. ئاچارچىلىق ئاپىتى شۇنداق قاتتىق بولىدۇكى، كىشىلەر بۇرۇنقى باياشات يىللارنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ. جانابلىرىنىڭ ئوخشاش ئىككى چۈش كۆرۈشلىرى خۇدانىڭ بۇ ئىشلارنى پات ئارىدا جەزمەن ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، جانابلىرىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشقا ئەقىل-پاراسەتلىك ۋە يىراقنى كۆرەلەيدىغان بىر كىشىنى قويۇشلىرىنى ھەم ئەمەلدارلارنى تاللاپ، يەتتە باياشاتچىلىق يىللىرىدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ بەشتىن بىرىنى يىغىۋېلىشلىرىنى، شۇنداقلا ئۇلارغا كەلگۈسىدىكى باياشاتچىلىق يىللىرىدا ھەر خىل ئاشلىقنى توپلاپ، ھەرقايسى شەھەرلەردە ئاشلىق ساقلاش ھوقۇقىنى بېرىشلىرىنى ۋە ئاشلىق ئىقتىساد قىلىش توغرىسىدا ئەمر چۈشۈرۈش تەكلىپىنى بېرىمەن. كەينى-كەينىدىن كېلىدىغان يەتتە قەھەتچىلىك يىلىدا بۇ زاپاس ئاشلىق پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى تەمىنلەپ، خەلقنى ئاچ قېلىپ ئۆلۈپ كېتىشتىن ساقلاپ قالىدۇ. پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى يۈسۈپنىڭ بۇ تەكلىپىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىدى. شۇنىڭ بىلەن، پادىشاھ ئەمەلدارلىرىغا: - بىز بۇ ئىشنى باشقۇرۇشقا يۈسۈپتىنمۇ لايىق كىشىنى تاپالمايمىز. چۈنكى، ئۇنىڭدا خۇدانىڭ روھى بار ئىكەن! - دېدى. ئاندىن، پادىشاھ يۈسۈپكە: - خۇدا بۇ ئىشلارنى ساڭا ئۇقتۇرغانىكەن، سەن چوقۇم ھەممەيلەندىن ئەقىللىق ۋە يىراقنى كۆرەلەيسەن. مەن سېنى مەملىكىتىمنى ئىدارە قىلىشقا تەيىنلەيمەن. پۈتۈن خەلقىم سېنىڭ ئەمرىڭگە بويسۇنىدۇ. مەملىكىتىمدە پەقەت مېنىڭ ھوقۇقۇملا سەندىن يۇقىرى بولىدۇ. ھازىردىن باشلاپ، سېنى مىسىرنىڭ باش ۋەزىرلىكىگە تەيىنلىدىم، - دېدى. بۇنىڭ بىلەن، پادىشاھ ئۆز بارمىقىدىكى مۆھۈرلۈك ئۈزۈكنى چىقىرىپ، يۈسۈپنىڭ قولىغا سالدى ۋە ئۇچىسىغا كەندىر رەختتىن توقۇلغان ئېسىل تون كىيدۈرۈپ، بوينىغا ئالتۇن زەنجىر ئېسىپ قويدى. ئۇ يەنە يۈسۈپنى ئوردىنىڭ ۋەزىرلىك ھارۋىسىغا ئولتۇرغۇزدى. ھارۋىنىڭ ئالدىدا يول باشلاپ كېتىۋاتقان مۇھاپىزەتچىلەر يول بويىدىكى كىشىلەرنى ئۇنىڭغا تەزىم قىلىشقا بۇيرۇدى. شۇنداق قىلىپ، يۈسۈپ باش ۋەزىرلىككە تەيىنلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتنى ئىدارە قىلدى. پادىشاھ يۈسۈپكە: - مەن بولسام پادىشاھ. لېكىن، مىسىردا سېنىڭ رۇخسىتىڭسىز ھەرقانداق ئادەمنىڭ مىدىر-سىدىر قىلىشىغا رۇخسەت ي ق! - دېدى. يەتتە باياشاتچىلىق يىلى مەزگىلىدە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى. يۈسۈپ ئاشلىقنى توپلاپ، ھەرقايسى شەھەرلەردە زاپاس ئاشلىق مەركىزى قۇرۇپ، ئەتراپتىكى جايلاردىن يىغىۋېلىنغان ئاشلىقنى جۇغلىدى. يىغىلغان ئاشلىقنىڭ كۆپلۈكى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك ھەددى-ھېسابسىز بولغاچقا، ئۇنى ھېسابلاش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. قەھەتچىلىك يىللىرى يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى، يۈسۈپنىڭ ئايالى، يەنى ئون شەھىرىنىڭ روھانىيسى پوتىفېرانىڭ قىزى ئاسېنات ئۇنىڭغا ئىككى ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. يۈسۈپ «خۇدا پۈتۈن دەردىمنى ۋە ئاتامنىڭ ئائىلىسىنى كۆڭلۈمدىن كۆتۈرۈۋەتتى» دەپ، تۇنجى ئوغلىغا ماناسسە [ئاھاڭ جەھەتتە «ئۇنتۇلدۇرغان»] دەپ ئىسىم قويدى. ئۇ ئىككىنچى ئوغلىغا «خۇدا مېنى ئازاب-ئوقۇبەتلىك يەردە پەرزەنتكە ئېرىشتۈردى» دەپ، ئەفرائىم [ئاھاڭ جەھەتتە «روناق تېپىش»] دەپ ئىسىم قويدى. مىسىرلىقلار بەھرىمەن بولغان يەتتە باياشات يىل ئاياغلاشتى. يۈسۈپ ئالدىن ئېيتقاندەك، يەتتە قەھەتچىلىك يىل ئارقا-ئارقىدىن كەلدى. ئەتراپتىكى ھەممە دۆلەتلەردىمۇ ئاچارچىلىق يۈز بەرگەنىدى. لېكىن، مىسىرنىڭ ھەممە يېرىدە ئاشلىق تېپىلاتتى. مىسىرلىقلار ئاچارچىلىقتا قالاي دېگەندە، ئۇلار پادىشاھقا يالۋۇرۇپ، ئاشلىق تەلەپ قىلدى. پادىشاھ ئۇلارغا يۈسۈپنىڭ يېنىغا بېرىشنى ۋە ھەممە ئىشتا ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇشنى بۇيرۇدى. ئاچارچىلىق بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ، مىسىرنىڭ ھەممە يېرىنى قاپلاشقا باشلىدى. شۇڭا، يۈسۈپ پۈتكۈل ئاشلىق ئامبارلىرىنى ئېچىپ، زاپاس ئاشلىقلارنى مىسىرلىقلارغا سېتىپ بەردى. ئەتراپتىكى دۆلەتلەردىكى كىشىلەرمۇ كېلىشىپ، يۈسۈپتىن ئاشلىق سېتىۋالدى. چۈنكى، ھەممە يەردە ئاچارچىلىق بولۇپ، ئەھۋال ئىنتايىن ئېغىر ئىدى. قانان زېمىنىدىمۇ ئاچارچىلىق بولغانىدى. ياقۇپ مىسىردا ئاشلىق بارلىقىنى ئاڭلاپ، ئوغۇللىرىغا: - سىلەر بىر-بىرىڭلارغا قارىشىپلا تۇرامسىلەر! نېمىشقا بىر چىقىش يولى تاپمايسىلەر؟ ئاڭلىشىمچە، مىسىردا ئاشلىق بار ئىكەن. ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتمەيلى. ئۇ يەرگە بېرىپ، بىرئاز ئاشلىق سېتىۋېلىپ ئەكېلىڭلار، - دېدى. بۇنىڭ بىلەن، يۈسۈپنىڭ ئون ئۆگەي ئاكىسى مىسىرغا ئاشلىق سېتىۋالغىلى باردى. لېكىن، ياقۇپ يۈسۈپنىڭ ئىنىسى بىنيامىننى ئۇلار بىلەن ئەۋەتمىدى. چۈنكى، ياقۇپ ئۇنىڭ بىرەر يامانلىققا ئۇچراپ قېلىشىدىن قورقاتتى. ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى ۋە باشقىلار ئاشلىق سېتىۋالغىلى مىسىرغا بېرىشتى. چۈنكى، قاناندىمۇ ئاچارچىلىق ئېغىر بولغانىدى. يۈسۈپ مىسىرنىڭ باش ۋەزىرى بولغاچقا، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەنلەرگە ئاشلىق سېتىپ بېرىشكە مەسئۇل ئىدى. شۇڭا، يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، بېشى يەرگە تەگكۈچە ئۇنىڭغا ئېگىلىپ تەزىم قىلدى. يۈسۈپ ئاكىلىرىنى كۆرۈپلا تونۇپ قالدى، لېكىن تونۇماسقا سېلىۋېلىپ، ئۇلاردىن جىددىي قىياپەتتە: - سىلەر قەيەردىن كەلدىڭلار؟ - دەپ سورىدى. - بىز قاناندىن ئاشلىق سېتىۋالغىلى كەلدۇق، - دەپ جاۋاب بېرىشتى ئۇلار. يۈسۈپ ئاكىلىرىنى تونۇغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يۈسۈپنى تونۇمىغانىدى. ئۇ ئاكىلىرى توغرىسىدىكى كىچىك ۋاقتىدا كۆرگەن چۈشلىرىنى ئېسىگە ئېلىپ، مەقسەتلىك ھالدا ئۇلارغا: - سىلەر جاسۇس، مەملىكىتىمىزنىڭ ئاجىز يەرلىرىنى چارلىغىلى كەلدىڭلار! - دېدى. ئۇلار: - ياق جانابلىرى، كەمىنىلىرى ئاشلىق سېتىۋالغىلى كەلدى. بىز ئاكا-ئۇكىلار راستچىل ئادەملەرمىز، كەمىنىلىرى ھەرگىز جاسۇس ئەمەس! - دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتى. يۈسۈپ ئۇلارغا: - ياق، سىلەر مەملىكىتىمىزنىڭ ئاجىز يەرلىرىنى چارلىغىلى كەلدىڭلار! - دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى. ئۇلار: - ئى جانابلىرى، كەمىنىلىرى ئەسلىدە بىر ئاتىدىن ئون ئىككى قېرىنداش ئىدۇق. ئاتىمىز قاناندا تۇرىدۇ. ئەڭ كىچىك ئىنىمىز ئۇنىڭ يېنىدا قالدى، يەنە بىر ئىنىمىز بولسا ئۆلۈپ كەتكەن! - دېدى. يۈسۈپ يەنە چىڭ تۇرۇپ: - ياق! مەن ھازىر ئېيتقاندەك، سىلەر راستتىنلا جاسۇس. سىلەرنىڭ سەمىمىي ياكى سەمىمىي ئەمەسلىكىڭلارنى سىناش ئۈچۈن پادىشاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، كىچىك ئىنىڭلار بۇ يەرگە كەلمىگۈچە، سىلەرنى ھەرگىز قويۇۋەتمەيمەن. سىلەردىن بىرىڭلار بېرىپ، ئۇنى ئېلىپ كېلىڭلار. گېپىڭلار ئىسپاتلانغۇچە، قالغانلىرىڭلار بۇ يەردە زىنداندا تۇرىسىلەر. ئىنىڭلارنى ئەكەلمىسەڭلار، ھەممىڭلار چوقۇم جاسۇس بولۇپ ھېسابلىنىسىلەر! - دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنى زىندانغا قاماپ، ئۈچ كۈن تۇتۇپ تۇردى. ئۈچىنچى كۈنى، يۈسۈپ ئۇلارغا: - مەن خۇداغا ئىخلاسمەن ئادەممەن. ئەگەر سىلەر مېنىڭ شەرتىمنى قوبۇل قىلساڭلار، بىر قوشۇق قېنىڭلاردىن كېچىمەن. ئۆزۈڭلارنىڭ سەمىمىي ئادەم ئىكەنلىكىڭلارنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، بىر ئادىمىڭلارنى زىنداندا گۆرۈگە قويۇپ، قالغانلىرىڭلار قايتىپ، ئالغان ئاشلىقلارنى ئائىلەڭلەردىكى ئاچارچىلىقتا قالغانلارغا يەتكۈزۈپ بېرىڭلار. ئاندىن، كىچىك ئىنىڭلارنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىڭلار. شۇنداق قىلغاندىلا، سۆزۈڭلارنىڭ راستلىقى ئىسپاتلىنىدۇ-دە، ئۆلۈمدىن ئامان قالىسىلەر! - دېدى. ئۇلار بۇ شەرتنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزئارا: «بۇرۇن بىز ئىنىمىزغا زىيانكەشلىك قىلغاچقا، ئەمدى ئۇنىڭ قىساسىغا قالدۇق! بىز ئۇنىڭ ئازابىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، يالۋۇرسىمۇ پىسەنت قىلمىغانىدۇق. شۇڭا، بۇ بالا-قازاغا يولۇقتۇق!» دېيىشتى. رۇبېن ئۇلارغا: - مەن سىلەرگە: «بۇ بالىغا تەگمەيلى» دېسەم، سىلەر ئاڭلىمىدىڭلار. ئەمدى شۇ قان قەرزىنى تۆلەيدىغان بولدۇق! - دېدى. يۈسۈپ ئۇلارنىڭ سۆزىنى چۈشەندى. ئاكىلىرى بولسا بۇنى بىلمەيتتى، چۈنكى يۈسۈپ ئۇلار بىلەن تەرجىمان ئارقىلىق سۆزلەشكەنىدى. يۈسۈپ ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، يىغلاپ تاشلىدى. ئاندىن قايتىپ كىرىپ، شىموننى ئايرىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۇنى باغلاتتى. يۈسۈپ خىزمەتچىلىرىگە ئاكىلىرىنىڭ تاغارلىرىغا ئاشلىق تولدۇرۇپ، ئاشلىققا تۆلىگەن پۇللىرىنى تاغارلىرىغا سېلىپ قويۇشنى ۋە ئۇلارغا يوللۇق ئوزۇق-تۈلۈك تەييارلاپ بېرىشنى بۇيرۇدى. ھەممە تەييارلىق پۈتكەندىن كېيىن، ئۇلار ئالغان ئاشلىقلىرىنى ئېشەكلىرىگە ئارتىپ، يولىغا راۋان بولدى. قونالغۇ جايغا بارغاندا، ئۇلاردىن بىرى ئېشەكلەرگە يەم بېرىش ئۈچۈن تاغىرىنى ئېچىپ، ئۆز پۇلىنىڭ تاغاردا تۇرغانلىقىنى كۆردى-دە، قېرىنداشلىرىغا: - ئۇلار پۇلۇمنى قايتۇرۇۋېتىپتۇ. مانا تاغارنىڭ ئىچىدە تۇرىدۇ! - دېدى. ئۇلار ھاڭ-تاڭ بولۇپ، قورققان ھالدا ئۆزئارا: «بۇ، خۇدانىڭ بىزگە قىلغان نېمە ئىشىدۇ؟» دېيىشتى. ئۇلار قانانغا قايتىپ كېلىپ، ئاتىسى ياقۇپنىڭ ئالدىغا كىرىپ، ئۆتكەن ئىشلارنى بىر-بىرلەپ سۆزلەپ بەردى. ئۇلار مۇنداق دېدى: - مىسىرنىڭ باش ۋەزىرى بىزگە قاتتىق گەپ قىلىپ، بىزنى ئۇلارنىڭ دۆلىتىنى چارلىغىلى كەلگەن، دەپ ئەيىبلىدى. بىز ئۇنىڭغا: «بىز جاسۇس ئەمەسمىز، بىز سەمىمىي ئادەملەر. بىر ئاتىدىن جەمئىي ئون ئىككى قېرىنداش ئىدۇق، بىر ئىنىمىز ئۆلۈپ كەتتى. ئەڭ كىچىك ئىنىمىز قاناندا ئاتىمىزغا ھەمراھ بولۇپ قالدى» دېگەنىدۇق. بىراق، ئۇ: «سىلەرنىڭ سەمىمىي ياكى سەمىمىي ئەمەسلىكىڭلارنى سىنايمەن. بىر ئادىمىڭلارنى قاماقتا تۇتۇپ تۇرىمەن. قالغانلىرىڭلار قايتىپ، ئالغان ئاشلىقىڭلارنى ئاچارچىلىقتا قالغان ئائىلەڭلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىڭلار. ئاندىن، كىچىك ئىنىڭلارنى مېنىڭ يېنىمغا ئېلىپ كېلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، سىلەرنىڭ جاسۇس ئەمەس، بەلكى سەمىمىي ئادەم ئىكەنلىكىڭلارغا ئىشىنىپ، قېرىندىشىڭلارنى قايتۇرۇپ بېرىمەن. بۇ يەردە تۇرۇپ قېلىپ، ئوقەت قىلساڭلارمۇ بولىدۇ» دېدى. كېيىن ئۇلار ئاشلىقلارنى تۆككەندە، ئۆز پۇللىرىنىڭ تاغاردا ئىكەنلىكىنى كۆرۈشتى. ئاتا-بالىلار پۇل قاپچۇقلىرىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن قورقتى. ياقۇپ ئۇلارغا: - سىلەر مېنى ھەممە ئوغۇللىرىمدىن ئايرىۋېتەمسىلەر؟ يۈسۈپ يوق بولدى، شىمونمۇ تۈگەشتى. ئەمدى بىنيامىننىمۇ ئېلىپ كەتمەكچى بولدۇڭلارمۇ؟ بالا-قازانىڭ ھەممىسى مېنىڭ بېشىمغىلا كېلەمدىغاندۇ! - دېدى. رۇبېن ئاتىسىغا ۋەدە بېرىپ: - ئەگەر مەن بىنيامىننى قايتۇرۇپ كەلمىسەم، مېنىڭ ئىككى ئوغلۇمنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭ. كىچىك ئىنىمىز بىنيامىننى ماڭا ئامانەت قىلىڭ. مەن ئۇنى چوقۇم قايتۇرۇپ كېلىمەن، - دېدى. لېكىن، ياقۇپ ئۇلارغا: - بۇ ئوغلۇم سىلەر بىلەن بارمىسۇن! ئۇنىڭ بىر قورساقتىن بولغان ئاكىسى ئۆلۈپ كېتىپ، يالغۇز قالدى. مۇبادا ئۇ يولدا بىرەر كۆڭۈلسىزلىككە يولۇقۇپ قالسا، مەن ھەسرەت چېكىپ ئۆلۈپ كېتىمەن، - دېدى. قاناندىكى ئاچارچىلىق بارغانسېرى ئېغىرلاشتى. ياقۇپنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مىسىردىن ئېلىپ كېلىنگەن ئاشلىقنى يەپ بولغاندىن كېيىن، ياقۇپ ئوغۇللىرىغا: - سىلەر يەنە بىرئاز ئاشلىق سېتىۋېلىپ كېلىڭلار، - دېدى. يەھۇدا ئاتىسىغا: - بىراق، ئۇ ئادەم بىزگە: «كىچىك ئىنىڭلارنى ئېلىپ كەلمىگۈچە، يۈزۈمگە قارىغۇچى بولماڭلار» دېگەن. ئەگەر سىز كىچىك ئىنىمىزنى بىز بىلەن بىللە ئەۋەتسىڭىز، بارىمىز. بولمىسا بارمايمىز، چۈنكى ئۇ كىشى بىزگە: «كىچىك ئىنىڭلانى ئېلىپ كەلمىگۈچە، يۈزۈمگە قارىغۇچى بولماڭلار» دېگەن، - دېدى. ئىسرائىل ئۇلارغا: - سىلەر نېمىشقا مېنى مۇنداق قىينايسىلەر؟ نېمە ئۈچۈن ئۇ كىشىگە: «ئۆيدە يەنە بىر ئىنىمىز بار» دەپ ئېيتتىڭلار؟ - دېدى. ئۇلار مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: - ئۇ كىشى بىزنى ۋە ئائىلىمىزنىڭ ئەھۋالىنى كوچىلاپ سۈرۈشتۈرۈپ: «ئاتاڭلار ھاياتمۇ؟ يەنە باشقا قېرىنداشلىرىڭلار بارمۇ؟» دەپ سورىدى. بىز ئۇنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرمىسەك بولمايتتى. بىز ئۇنىڭ: «كىچىك ئىنىڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار» دەيدىغانلىقىنى نەدىن بىلەتتۇق؟ يەھۇدا ئىسرائىلغا: - بىنيامىننى ماڭا تاپشۇرۇڭ. بىز دەرھال يولغا چىقايلى. شۇنداق قىلغاندا، بىز، سىز ۋە بالىلىرىمىز ئاچلىقتىن ئۆلمەيمىز! كىچىك ئىنىمغا مەن كېپىل، پۈتۈن جاۋابكارلىقنى ئۈستۈمگە ئالاي. مەن ئۇنى ئامان-ئېسەن قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۆز قولىڭىزغا تاپشۇرمىسام، ئۆمۈرۋايەت ئەيىبلىك بولۇپ كېتەي! ئەگەر بىز ۋاقىتنى كەينىگە سۈرمىگەن بولساق، بۇ چاغقىچە ئىككى قېتىم بېرىپ كېلەتتۇق، - دېدى. ئىسرائىل ئۇلارغا: - ئۇنداق بولسا، مۇنداق قىلىڭلار. باش ۋەزىرگە بىرئاز مەلھەم، ھەسەل، دورا-دەرمان، مۇرمەككى، پىستە-بادام قاتارلىق ئەڭ ياخشى يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلاردىن سوۋغات ئالغاچ بېرىڭلار. يەنە بىر ھەسسە ئارتۇق پۇل ئالغاچ بېرىپ، ئالدىنقى قېتىم تاغارلىرىڭلارغا سېلىپ قويغان پۇللارنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار. ئېھتىمال بۇ ئىشتا سەۋەنلىك كۆرۈنگەن بولۇشى مۇمكىن. ئىنىڭلارنىمۇ ئۇ كىشىنىڭ يېنىغا تېزدىن ئېلىپ بېرىڭلار. ھەممىگە قادىر خۇدا ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بېرىپ، بىنيامىن بىلەن شىموننى سىلەرگە قوشۇپ قايتۇرغاي. ناۋادا تەقدىر بالىلىرىمنى مەندىن ئايرىۋەتسە، ئامالىم قانچە! - دېدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار تەييارلىغان سوۋغاتلىرىنى، بىر ھەسسە ئارتۇق پۇل ۋە بىنيامىننى ئېلىپ، يولغا چىقتى. ئۇلار مىسىرغا بارغاندىن كېيىن، يۈسۈپ بىلەن كۆرۈشتى. بىنيامىننىڭ ئۇلار بىلەن بىللە كەلگەنلىكىنى كۆرگەن يۈسۈپ غوجىدارىغا: - بۇ كىشىلەرنى ئۆيۈمگە ئېلىپ بار. ئۇلار چۈشلۈك تاماقتا مەن بىلەن بىللە بولىدۇ. سىلەر بىر مال سويۇپ، زىياپەت تەييارلاڭلار، - دېدى. غوجىدار بۇيرۇققا بىنائەن ئۇلارنى يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ باردى. ئۇلار غوجىدار تەرىپىدىن يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە باشلاپ بېرىلغانلىقىدىن ئىنتايىن قورقۇشۇپ: «بىزنى چوقۇم ئالدىنقى قېتىم تاغارلىرىمىزدا قايتۇرۇلغان پۇللار سەۋەبىدىن بۇ يەرگە ئېلىپ كەلدى. ئېھتىمال ئۇلار بىزگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئېشەكلىرىمىزنى تارتىۋېلىپ، بىزنى قۇل قىلىشى مۇمكىن!» دېيىشتى، ھەمدە يۈسۈپنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا بېرىش بىلەنلا، ئۇلار غوجىدارغا: - تەقسىر! ئالدىنقى قېتىم بىز بۇ يەرگە ئاشلىق ئالغىلى كەلگەنىدۇق. ئۆيگە قايتىش يولىمىزدا قونىدىغان يەرگە كېلىپ تاغارلارنى ئاچساق، پۇللىرىمىزنىڭ تاغارلىرىمىزدا ئۆز پېتى تۇرغانلىقىنى كۆردۇق. ھازىر بۇ پۇللارنى قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ئەكەلدۇق. بۇنىڭدىن باشقا، بىز يەنە ئاشلىق سېتىۋالىدىغانغىمۇ پۇل ئەكەلدۇق. ئالدىنقى قېتىم تاغارلىرىمىزغا پۇللارنى كىم سېلىپ قويدىكىن بىلمىدۇق، - دېيىشتى. غوجىدار ئۇلارغا: - قورقماڭلار! قورقماڭلار! پۇللىرىڭلارنى مەن تاپشۇرۇپ ئالغانىدىم. ئۇنى تاغارلىرىڭلارغا چوقۇم خۇدا، يەنى ئاتاڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا سېلىپ قويغان ئوخشايدۇ، - دېدى. ئاندىن، ئۇ شىموننى زىنداندىن ئېلىپ چىقىپ، ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بەردى. غوجىدار ئۇلارنى يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە باشلاپ، پۇتلىرىنى يۇيۇشقا سۇ، ئېشەكلىرىگە بولسا يەم بەردى. ئۇلار سوۋغاتلارنى تەييارلاپ، چۈشتە يۈسۈپ كەلگەندە ئۇنىڭغا تەقدىم قىلىشنى كۈتۈپ تۇردى. چۈنكى، ئۇلار يۈسۈپ بىلەن تاماقتا بىللە بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغانىدى. يۈسۈپ ئۆيگە كەلگەندە، ئۇلار باشلىرىنى يەرگە تەگكۈچە ئېگىپ تەزىم قىلىپ، سوۋغاتلارنى سۇندى. يۈسۈپ ئۇلار بىلەن سالاملاشقاندىن كېيىن: - سىلەر ماڭا ياشىنىپ قالغان ئاتاڭلار توغرۇلۇق گەپ قىلغانىدىڭلار. ئۇ كىشى قانداق، ھاياتمۇ؟ - دەپ سورىدى. ئۇلار جاۋابەن: - مۆمىن كەمىنىلىرىنىڭ ئاتىسى ھايات ۋە ياخشى تۇرۇۋاتىدۇ، - دەپ، باشلىرىنى قايتا يەرگە تەگكۈچە ئېگىپ تەزىم قىلدى. يۈسۈپ بىر ئانىدىن بولغان ئۆز ئىنىسى بىنيامىننى كۆرۈپ: - سىلەر ماڭا ئېيتقان ھېلىقى ئەڭ كىچىك ئىنىڭلار مۇشۇمۇ؟ ئەي ئوغلۇم، ساڭا خۇدا بەخت ئاتا قىلغاي - دېدى. يۈسۈپ ئۆز ئىنىسىغا بولغان قايناق مېھىر ھېسسىياتىنى باسالماي، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئۈن سېلىپ يىغلىۋەتكۈدەك بولۇپ كەتتى. شۇڭا، ئۇلارنىڭ يېنىدىن چىقىپ، ئۆز ھۇجرىسىغا كىرىپ بىرھازاغىچە كۆز يېشى قىلدى. ئاندىن، ئۇ يۈزىنى يۇيۇپ، ھېسسىياتىنى بېسىپ، قايتىپ كىرىپ، خىزمەتچىلىرىگە تاماق ئەكىرىشكە بۇيرۇدى. يۈسۈپ ئۆزى يالغۇز بىر داستىخاندا، قېرىنداشلىرى ئايرىم بىر داستىخاندا ئولتۇردى. زىياپەتتە بىللە بولغان مىسىرلىقلار يەنە بىر داستىخاندا ئولتۇردى. چۈنكى، مىسىرلىقلار ئىبرانىيلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇشنى تۆۋەن كۆرەتتى. يۈسۈپ قېرىنداشلىرىنى ئۆزىگە قارىتىپ، چوڭ-كىچىك تەرتىپى بويىچە ئولتۇرغۇزدى. بۇنى كۆرگەن ئاكا-ئۇكىلىرى ھاڭ-تاڭ بولغىنىدىن بىر-بىرىگە قارىشىپ قويۇشاتتى. يۈسۈپ ئۇلارغا ئۆز داستىخىنىدىن تاماق بۆلۈپ بەردى. بىنيامىنغا بولسا باشقىلارنىڭكىدىن بەش ھەسسە ئارتۇق ئۇسۇپ بەردى. ئۇلار يۈسۈپ بىلەن بىللە يەپ-ئىچىپ، ئىنتايىن خۇشال بولۇشتى. يۈسۈپ غوجىدارىغا: - سەن ئۇلارنىڭ تاغارلىرىغا ئېلىپ كېتەلىگۈدەك ئاشلىق قاچىلاپ، پۇللىرىنى ئۆز تاغارلىرىغا سېلىپ قوي. ئۇلارنىڭ ئەڭ كىچىكىنىڭ تاغىرىغا مېنىڭ كۈمۈش جامىم بىلەن ئۆز پۇلىنى سېلىپ قوي! - دەپ بۇيرۇق قىلدى. غوجىدار بۇيرۇققا بىنائەن شۇنداق قىلدى. ئەتىسى تاڭ سەھەردە، يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرى ئېشەكلىرى بىلەن يولغا سېلىپ قويۇلدى. ئۇلار شەھەردىن چىقىپ ئانچە يىراققا بارمايلا، يۈسۈپ غوجىدارىغا: - سەن دەرھال ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ بېرىپ، ئۇلارغا: «سىلەر نېمىشقا ياخشىلىققا يامانلىق قىلىسىلەر؟ نېمىشقا خوجايىنىمنىڭ كۈمۈش جامىنى ئوغرىلاپ كېتىسىلەر؟ خوجايىنىم ئۇ جامدا ھەم شاراب ئىچىدۇ، ھەم پال ئاچىدۇ. سىلەر ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزدۈڭلار!» دېگىن، - دېدى. غوجىدار ئۇلارغا يېتىشكەندە، يۈسۈپنىڭ سۆزىنى دېدى. ئۇلار: - غوجام، بۇ نېمە دېگەنلىرى؟ كەمىنىلىرى بۇنداق ئىشتىن نېرىدۇر! ئۆزلىرىگە مەلۇم، بىز ھەتتا ئۆتكەن قېتىمدا تاغارلىرىمىزدا پۇللارنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى قاناندىن قايتۇرۇپ ئەكەلگەن تۇرساق، خوجايىنىڭىزنىڭ ئالتۇن-كۈمۈشلىرىنى يەنە ئوغرىلامتۇق؟ ئەگەر ئۆزلىرى قايسىمىزنىڭ تاغىرىدىن جامنى تېپىۋالسىلا، شۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم بولسۇن. قالغانلىرىمىزمۇ ئۆزلىرىنىڭ قۇلى بولايلى! - دېيىشتى. غوجىدار: - بۇ سۆزۈڭلارغا قوشۇلىمەن. ئەمما، جامنى ئوغرىلىغان كىشىنىلا ئېلىپ قالىمەن. قالغانلىرىڭلار قايتىپ كەتسەڭلار بولىدۇ، - دېدى. بۇنىڭ بىلەن، كۆپچىلىك دەرھال ئۆز تاغارلىرىنى يەرگە چۈشۈرۈپ ئاچتى. غوجىدار چوڭىنىڭ تاغىرىدىن باشلاپ تاكى ئەڭ كىچىكىنىڭكىگىچە ئىنچىكىلەپ ئاختۇردى. ئاخىردا، كۈمۈش جامنى بىنيامىننىڭ تاغىرىدىن تېپىۋالدى. قېرىنداشلار ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا كىيىملىرىنى يىرتىشىپ، يۈك-تاقلىرىنى ئېشەكلىرىگە ئارتىپ، يەنە شۇ شەھەرگە قايتىپ كېلىشتى. يەھۇدا ۋە قېرىنداشلىرى يۈسۈپنىڭ ئالدىغا قايتىپ بارغىنىدا، يۈسۈپ تېخى ئۆيىدە ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا تاشلاپ يەرگە ئاتتى. يۈسۈپ ئۇلارغا: - سىلەرنىڭ بۇ نېمە قىلغىنىڭلار؟ ماڭا ئوخشاش يۇقىرى مەرتىۋىدىكى بىر كىشىنىڭ سىلەرنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشۇڭلارغا پال ئاچالايدىغانلىقىمنى بىلمەيتتىڭلارمۇ؟ - دېدى. يەھۇدا جاۋابەن: - ئى ئالىيلىرى، بىز بۇ ئىشقا نېمە دېيەلەيمىز؟ ئۇنى ئالمىدۇق، دەپ قانداقمۇ ئۆزىمىزنى ئاقلىيالايمىز؟ خۇدا كەمىنىلىرىنىڭ گۇناھىنى ئېچىپ تاشلىدى. ئەمدى جام چىققان كىشىلا ئەمەس، ھەممىمىز ئۆزلىرىنىڭ قۇلى بولغايمىز! - دېدى. يۈسۈپ ئۇلارغا: - ياق! ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمەن. پەقەت جامنى ئالغان كىشى ماڭا قۇل بولسۇن. قالغانلىرىڭلار ئاتاڭلارنىڭ يېنىغا ئامان-ئېسەن قايتىپ كېتىڭلار، - دېدى. يەھۇدا يۈسۈپنىڭ ئالدىغا بېرىپ: - ئى ئالىيلىرى، ئۆزلىرىگە ئەھۋالنى ئوچۇق بايان قىلىشىمغا رۇخسەت قىلغايلا. ئۆزلىرى پادىشاھ بىلەن باراۋەر، كەمىنىلىرىگە رەھىم قىلغايلا! ئۆزلىرى بىزدىن: «سىلەرنىڭ ئاتاڭلار ياكى باشقا قېرىنداشلىرىڭلار بارمۇ؟» دەپ سورىغانلىرىدا، بىز: «ياشىنىپ قالغان ئاتىمىز ۋە ئاتىمىز ياشىنىپ قالغاندا تاپقان بىر كىچىك ئىنىمىز بار. بۇ ئىنىمىزنىڭ بىر قورساقتىن بولغان ئاكىسى ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇ ئۇلارنىڭ ئانىسىدىن قالغان بىردىنبىر بالا، شۇڭا ئاتىمىز ئۇنىڭغا بەك ئامراق» دېگەنىدۇق. ئۆزلىرى بىز كەمىنىلىرىگە: «ئۇنى ئېلىپ كېلىڭلار، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرەي» دەپ تاپىلىغاندىلا. لېكىن، بىز بۇ بالىنىڭ ئاتىسىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى، ئەگەر ئايرىلسا، ئاتىمىزنىڭ چوقۇم ئۆلىدىغانلىقىنى ئېيتقىنىمىزدا، ئۆزلىرى بىز كەمىنىلىرىگە: «كىچىك ئىنىڭلارنى ئېلىپ كەلمىگۈچە، يۈزۈمگە قارىغۇچى بولماڭلار!» دېگەنىدىلا. بىز ئاتىمىزنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزدۇق. كېيىن، ئۇ بىزنى يەنە ئاشلىق ئەكېلىشكە بۇيرۇغاندا، بىز ئۇنىڭغا: «ئىنىمىز بىز بىلەن بىللە بارمىغۇچە، بىز ئۇ كىشىنىڭ يۈزىگە قارىيالمايمىز. كىچىك ئىنىمىز بىز بىلەن بىللە بارمىسا، بىزمۇ بارمايمىز» دېگەنىدۇق. كەمىنىلىرىنىڭ ئاتىسى بىزگە: «سىلەرگە مەلۇمكى، ئايالىم راھىلە ماڭا پەقەت ئىككى ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. ئۇلارنىڭ بىرى مەندىن جۇدا بولدى. ئۇ مەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۇنى قايتا كۆرمىدىم. ئۇ چوقۇم يىرتقۇچ ھايۋانلارغا يەم بولدى. ئەگەر سىلەر بۇ ئوغلۇمنى مەندىن ئېلىپ كېتىپ، ئۇمۇ يولدا بىرەر كۆڭۈلسىزلىككە يولۇقۇپ قالسا، قېرىغىنىمدا ھەسرەت چېكىپ، ئۆلۈپ كېتىمەن» دېگەنىدى. ئەمدى ئويلاپ باقسىلا! ئەگەر بىز بۇ بالىنى ئېلىپ كەتمىسەك، كەمىنىلىرىنىڭ ئاتىسى بۇ بالىنىڭ قايتىپ كەلمىگەنلىكىنى كۆرۈپلا، ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ ھاياتى بۇ بالىنىڭ تەقدىرىگە باغلىق. ئاتىمىز بىلەن كۆرۈشكىنىمىزدە، ئىنىمىز يوق بولسا، ئۇ ھەسرەت چېكىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۆلۈشىگە بىز سەۋەبچى بولغان بولىمىز. كەمىنىلىرى ئاتامغا كېپىللىك بېرىپ: «ئەگەر بالىنى قايتۇرۇپ كەلمىسەم، ئۆمۈرۋايەت ئەيىبلىك بولۇپ كېتەي» دېگەنىدىم. شۇڭا، ئى ئالىيلىرى، بۇ بالا ئۈچۈن كەمىنىلىرى قېلىپ، ئۆزلىرىگە قۇل بولسۇن. ئۇ بالا بولسا ئاكىلىرى بىلەن بىللە قايتىپ كەتسۇن! ئەگەر بۇ بالا مەن بىلەن بىللە كەتمىسە، مەن ئاتامنىڭ يۈزىگە قانداق قارىيالايمەن؟ مەن ئاتامنىڭ بۇنداق بالا-قازاغا ئۇچرىشىغا چىداپ تۇرالمايمەن! - دېدى. يۈسۈپ ئىبرانىي تىلىدا قېرىنداشلىرىغا مۇنداق دېدى: - مەن يۈسۈپ بولىمەن! ئاتام سالامەتمۇ؟ بۇ گەپنى ئاڭلىغان قېرىنداشلىرى ھودۇقۇپ كەتكىنىدىن گەپ قىلالماي تۇرۇپلا قالدى. يۈسۈپ ئۇلارنى ئالدىغا چاقىردى. ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، مۇنداق دېدى: - مەن سىلەرنىڭ ئىنىڭلار، يەنى سىلەر مىسىرغا سېتىۋەتكەن يۈسۈپ بولىمەن. لېكىن، سىلەر بۇ ئىش ئۈچۈن ئەنسىرەپ، ئۆزۈڭلارنى ئەيىبكە بۇيرۇماڭلار. خۇدا خەلقنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، مېنى ئاۋۋال بۇ يەرگە ئەۋەتكەن. بۇ يەردىكى قەھەتچىلىككە ئەمدى ئىككى يىل بولدى. يەنە بەش يىلغىچە تېرىقچىلىق قىلغىلىمۇ بولمايدۇ، ھوسۇل ئالغىلىمۇ بولمايدۇ. شۇڭا، سىلەرنىڭ نەسلىڭلارنى ساقلاپ قېلىش ھەم ھاياتىڭلارنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن، خۇدا چوڭ مۆجىزە كۆرسىتىپ مېنى بۇ يەرگە ئاۋۋال ئەۋەتتى. دېمەك، مېنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەن سىلەر ئەمەس، بەلكى خۇدادۇر. ئۇ مېنى پادىشاھنىڭ باش مەسلىھەتچىسى ۋە مىسىرنىڭ باش ۋەزىرلىكىگە ئولتۇرغۇزۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنى ئىدارە قىلىشقا مۇيەسسەر قىلدى. سىلەر ئاتامنىڭ يېنىغا تېزدىن بېرىپ، ئۇنىڭغا: «ئوغلىڭىز يۈسۈپ: ˜خۇدا مېنى پۈتۈن مىسىر دۆلىتىنىڭ باش ۋەزىرى قىلىپ تىكلىدى. سىز ئەمدى كېچىكمەي، بۇ يەرگە تېزدىن يېتىپ كېلىڭ. ئوغۇل-قىزلىرىڭىز، نەۋرىلىرىڭىز، قوي-كالىلىرىڭىز ۋە باشقا پۈتۈن تەئەللۇقاتىڭىزنى ئەكېلىپ، گوشەن ۋىلايىتى ئەتراپىدا ماڭا يېقىن ئولتۇرۇڭ. سىزنىڭ پۈتۈن ئائىلە ۋە مال-ۋارانلىرىڭىز بىلەن ئاچلىقتىن مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماسلىقىڭىز ئۈچۈن، مەن سىزنى باقىمەن. چۈنكى، قەھەتچىلىك يەنە بەش يىل داۋاملىشىدۇ!Œ دېدى» دەڭلار، - دېدى. يۈسۈپ يەنە: - مانا، مېنىڭ كىم ئىكەنلىكىمنى سىلەر ھەممىڭلار ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار، بىنيامىن سەنمۇ، كۆردۈڭ. ئاتامغا مىسىردىكى ھۆرمىتىمنىڭ قانچىلىك يۇقىرىلىقىنى ئېيتىڭلار ۋە كۆرگەنلىرىڭلارنىڭ ھەممىسىنى يەتكۈزۈپ، ئۇنى تېزدىن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىڭلار، - دېدى. ئۇ ئىنىسى بىنيامىننى قۇچاقلاپ، يەنە قاتتىق يىغلاپ كەتتى. ئىنىسىمۇ ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ قاتتىق يىغلىدى. ئاندىن، ئۇ يىغلىغان پېتى ئاكىلىرى بىلەن بىر-بىرلەپ سۆيۈشۈپ كۆرۈشتى. شۇنىڭدىن كېيىن، قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشكە باشلىدى. يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ مىسىرغا كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر ئوردىغا يېتىپ كەلگەندە، پادىشاھ ۋە خىزمەتكارلىرى ئىنتايىن خۇشال بولۇشۇپ كەتتى. پادىشاھ يۈسۈپكە: - قېرىنداشلىرىڭغا ئېيت، ئۇلاغلىرىغا مال ئارتىپ، دەرھال قانانغا قايتىپ بېرىپ، ئاتاڭ بىلەن بارلىق ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلسۇن. مەن ئۇلارغا مىسىرنىڭ ئەڭ ياخشى زېمىنىنى بېرىمەن. ئۇلار بۇ يەردە باياشات تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولسۇن. ئۇلارغا يەنە شۇنىمۇ ئېيتىپ قوي: «ئۇلار ئاتاڭنى ۋە خوتۇن، بالا-چاقىلىرىنىمۇ ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، مىسىردىن ھارۋا ئالغاچ كەتسۇن. ئۇلار ئۇ يەردىكى تەئەللۇقاتىنى ئويلىمىسۇن، چۈنكى مىسىر زېمىنىنىڭ ئەڭ ياخشى نەرسىلىرى ئۇلارنىڭ بولىدۇ»، - دېدى. ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى بۇ سۆزگە بىنائەن ئىش قىلدى. يۈسۈپ پادىشاھنىڭ ئەمرى بويىچە ئۇلارغا ھارۋا ۋە يولغا يېتەرلىك ئوزۇق تەييارلاپ بەردى. ئۇ يەنە ھەربىر ئاكىسىغا بىر قۇردىن يېڭى كىيىم سوۋغات قىلدى. بىنيامىنغا بولسا بەش قۇر كىيىم بىلەن ئۈچ يۈز كۈمۈش تەڭگە بەردى. ئۇ ئاتىسىغا ئون ھاڭگا ئېشەككە مىسىرنىڭ ئەڭ ياخشى مەھسۇلاتلىرىنى، يەنە ئون مادا ئېشەككە ئاتىسىنىڭ مىسىرغا كېلىش يولىدا ئىستېمال قىلىشىغا ئاشلىق، نان ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنى ئارتىپ بەردى. ئۇ قېرىنداشلىرىنى يولغا سېلىش ئالدىدا ئۇلارغا يولدا جېدەل-ماجىرا چىقارماسلىقنى تاپىلىدى. ئۇلار مىسىردىن چىقىپ، قانانغا - ئاتىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ باردى. ئۇلار ئاتىسىغا: - يۈسۈپ ھايات ئىكەن! مىسىرنىڭ باش ۋەزىرى بوپتۇ! - دېدى. ياقۇپنىڭ تەنلىرى جۇغۇلداپ كەتتى. ئۇ ئۇلارنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىدى. لېكىن، ئۇ ئۇلاردىن يۈسۈپنىڭ ئېيتىپ بەرگەن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ھەمدە يۈسۈپنىڭ ئۆزىنى ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتكەن ھارۋىلىرىنى كۆرۈپ، ئەس-ھوشىغا كەلدى. ئۇ: - بولدى! ئوغلۇم يۈسۈپنىڭ ھايات ئىكەنلىكىگە ئەمدى ئىشەندىم! كۆزۈمنىڭ ئوچۇقىدا بېرىپ ئۇنى كۆرەي! - دېدى. ئىسرائىل پۈتۈن مال-مۈلۈكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، بەئەرشەباغا كېلىپ، ئۇ يەردە ئاتىسى ئىسھاق ئېتىقاد قىلغان خۇداغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلدى. شۇ كېچە، ئۇنىڭغا بىر غايىبانە ئالامەت كۆرۈنۈپ، خۇدا ئۇنى: - ياقۇپ، ياقۇپ! - دەپ چاقىردى. - لەببەي، - دەپ جاۋاب بەردى ئۇ. خۇدا ئۇنىڭغا: - مەن خۇدا، سېنىڭ ئاتاڭ ئېتىقاد قىلغان خۇدادۇرمەن. سەن مىسىرغا بېرىشتىن قورقما. چۈنكى، مەن ئۇ يەردە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئۇلۇغ بىر خەلق قىلىمەن. مەن سەن بىلەن بىللە مىسىرغا بېرىپ، ئاندىن ئەۋلادلىرىڭنى چوقۇم بۇ زېمىنغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. سەن ئالەمدىن ئۆتكەندە، يۈسۈپ يېنىڭدا بولىدۇ، - دېدى. ياقۇپ بەئەرشەبادىن يولغا چىقتى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۇنى ۋە خوتۇن-بالىلىرىنى مىسىر پادىشاھى ئەۋەتكەن ھارۋىلارغا ئولتۇرغۇزۇپ، قاناندا تاپقان مال-ۋارانلىرى بىلەن تەئەللۇقاتلىرىنى ئېلىپ، مىسىرغا قاراپ ماڭدى. شۇنداق قىلىپ، ياقۇپ پۈتۈن ئەۋلادلىرىنى ئېلىپ مىسىرغا كەلدى. ئوغۇل-قىزلىرى ۋە ئوغۇل-قىز نەۋرىلىرىمۇ بىللە باردى. ئىسرائىل دەپمۇ ئاتالغان ياقۇپ بىلەن بىللە مىسىرغا بارغان ئەۋلادلىرىنىڭ ئىسىملىكى تۆۋەندىكىچە: ياقۇپنىڭ چوڭ ئوغلى رۇبېن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى: ھانۇخ، پاللۇ، ھېسرون ۋە كارمى قاتارلىقلار. شىمون ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى: يېمۇئىل، يامىن، ئوھاد، ياكىن، سوخار ۋە قانانلىق ئايالىدىن بولغان شائۇل قاتارلىقلار. لاۋىي ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى: گەرشون، كوھات ۋە مەرارى قاتارلىقلار. يەھۇدا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى: شالاھ، پارەس ۋە زەراھ قاتارلىقلار. يەھۇدانىڭ يەنە ئېر ۋە ئونان دېگەن ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۇلار قاناندا ئۆلۈپ كەتكەنىدى. پارەسنىڭ ئوغۇللىرى: ھېسرون بىلەن ھامۇل. ئىسساكار ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى: تولاھ، پۇۋا، يوب ۋە شىمرون قاتارلىقلار. زەبۇلۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى: سەرەد، ئەلون ۋە ياخلىل قاتارلىقلار. يۇقىرىدىكىلەر لېياھ پاددان-ئاررامدا ياقۇپقا تۇغۇپ بەرگەن ئەۋلادلار بولۇپ، قىزى دىنا بىلەن جەمئىي ئوتتۇز ئۈچ نەپەر ئىدى. گاد ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى: سەفون، ھاگگى، شۇنىي، ئېزبون، ئەرى، ئارودى ۋە ئارېلى قاتارلىقلار. ئاشېر ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى: ئوغۇللىرى يىمنا، يىشۋا، يىشۋى، بەرىيا ۋە قىزى سەراھ. بەرىيانىڭ ئوغۇللىرى: ھېبەر ۋە مالكېل ئىدى. يۇقىرىدىكىلەر لابان قىزى لېياھقا دېدەك قىلىپ بەرگەن زىلپا ياقۇپقا تۇغۇپ بەرگەن ئەۋلادلار بولۇپ، ئۇلار جەمئىي ئون ئالتە نەپەر ئىدى. ياقۇپنىڭ ئايالى راھىلە ئۇنىڭغا ئىككى ئوغۇل تۇغۇپ بەرگەن بولۇپ، ئۇلار يۈسۈپ بىلەن بىنيامىن ئىدى. يۈسۈپ مىسىردا ئون شەھىرىنىڭ روھانىيسى پوتىفېرانىڭ قىزى ئاسېناتتىن ماناسسە ۋە ئەفرائىم ئىسىملىك ئىككى ئوغۇل تاپقانىدى. بىنيامىننىڭ ئوغۇللىرى: بېلا، بېكەر، ئاشبېل، گېرا، نامان، ئەھى، روش، مۇپپىم، ھۇپپىم ۋە ئارىد قاتارلىقلار. يۇقىرىدىكىلەر راھىلە ياقۇپقا تۇغۇپ بەرگەن ئەۋلادلار بولۇپ، جەمئىي ئون تۆت نەپەر ئىدى. دان ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ھۇشىم. نافتالى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى: ياخسىئىل، گۇنى، يەسەر ۋە شىللەم قاتارلىقلار. يۇقىرىدىكىلەر لاباننىڭ قىزى راھىلەگە دېدەك قىلىپ بەرگەن بىلھا ياقۇپقا تۇغۇپ بەرگەن ئەۋلادلار بولۇپ، جەمئىي يەتتە نەپەر ئىدى. دېمەك، ياقۇپنىڭ كېلىنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ياقۇپ بىلەن بىللە مىسىرغا بارغان ئۆز ئەۋلادلىرى جەمئىي ئاتمىش ئالتە كىشى ئىدى. يۈسۈپنىڭ مىسىردا تاپقان ئىككى ئوغلىنى قوشقاندا، ياقۇپ جەمەتىنىڭ مىسىردىكى نوپۇسى جەمئىي يەتمىش كىشى بولدى. ياقۇپ يۈسۈپ بىلەن گوشەن ۋىلايىتىدە كۆرۈشۈش ئۈچۈن، يەھۇدانى ئۇنىڭ يېنىغا يۆنىلىشنى ئۇقۇپ كېلىشكە ئەۋەتتى. ياقۇپلار گوشەنگە كەلگىنىدە، يۈسۈپ ۋەزىرلىك ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ، ئاتىسىنىڭ ئالدىغا باردى. ئۇلار دىدار كۆرۈشۈش بىلەنلا، يۈسۈپ ئاتىسىنى قۇچاقلاپ ئۇزۇنغىچە يىغلىدى. ئىسرائىل يۈسۈپكە: - مەن سېنىڭ ھايات ئىكەنلىكىڭنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. ئەمدى ئۆلۈپ كەتسەممۇ رازىمەن! - دېدى. ئاندىن، يۈسۈپ قېرىنداشلىرى ۋە چوڭ ئۆيدىكىلىرىگە مۇنداق دېدى: - مەن پادىشاھقا سىلەرنىڭ قاناندىن بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەنلىكىڭلارنى مەلۇم قىلاي. ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ چارۋىچى ئىكەنلىكىڭلارنى، مال-مۈلكۈڭلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىڭلارنى ئېيتاي. پادىشاھ سىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، كەسپىڭلارنى سورىسا، ئۇنىڭغا: «بىز كىچىكىمىزدىن تارتىپ چارۋىچىلىق قىلىپ كەلگەن. ئاتا-بوۋىلىرىمىزمۇ چارۋىچى ئىدى» دەڭلار. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ سىلەرنى ئۆز خەلقىدىن ئايرىپ، گوشەنگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ، - دېدى. يۈسۈپنىڭ بۇنداق دېيىشىدىكى سەۋەب، مىسىرلىقلار مال باققۇچىلارنى پەقەت كۆزگە ئىلمايتتى. بۇنىڭ بىلەن، يۈسۈپ پادىشاھ بىلەن كۆرۈشكىلى بېرىپ، ئۇنىڭغا: - ئاتام بىلەن قېرىنداشلىرىم قاناندىن قوي-كالا ۋە پۈتۈن مال-مۈلۈكلىرىنى ئېلىپ بۇ يەرگە كەلدى. ھازىرچە ئۇلار گوشەندە تۇرۇۋاتىدۇ، - دېدى. ئاندىن كېيىن، يۈسۈپ بەش قېرىندىشىنى تاللاپ، پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈشكە ئېلىپ كەلدى. پادىشاھ يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرىدىن: - سىلەر قايسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىسىلەر؟ - دەپ سورىدى. ئۇلار جاۋابەن: - جانابلىرى، كەمىنىلىرى ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئوخشاش، مال بېقىش بىلەن تىرىكچىلىك قىلىمىز. قاناندا قەھەتچىلىك ئېغىر بولغاچقا، مال باقىدىغان ئوتلاقمۇ يوق. شۇ سەۋەبتىن، بىز بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلدۇق. جانابلىرىدىن كەمىنىلىرىنىڭ گوشەن ۋىلايىتىدە تۇرۇشىغا ئىجازەت بېرىشلىرىنى سورايمىز، - دېدى. پادىشاھ يۈسۈپكە: - ئاتاڭ بىلەن قېرىنداشلىرىڭ بۇ يەرگە كەپتۇ. مىسىرنىڭ زېمىنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپتۇ. ئۆزلىرى مەملىكەتنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىنى تاللىسۇن. گوشەندە تۇرسىمۇ بولىۋېرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىقتىدارلىق كىشىلەر بولسا، ماللىرىمنى باشقۇرۇشقا قويساڭمۇ بولىدۇ، - دېدى. كېيىن، يۈسۈپ ئاتىسى ياقۇپنى ئوردىغا باشلاپ كېلىپ، مىسىر پادىشاھى بىلەن كۆرۈشتۈردى. ياقۇپ پادىشاھقا بەخت-سائادەت تىلىدى. پادىشاھ ئۇنىڭدىن: - قانچە ياشقا كەلدىڭىز؟ - دەپ سورىدى. ياقۇپ ئۇنىڭغا: - مەن بۇ دۇنيادا مۇساپىر بولۇپ، بىر يۈز ئوتتۇز يىل ياشىدىم. بۇ جاپا-مۇشەققەتلىك ھاياتىمدا تېخى ئاتا-بوۋىلىرىمدەك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرمىدىم، - دەپ جاۋاب بەردى. خوشلىشىش ئالدىدا، ياقۇپ يەنە پادىشاھقا بەخت تىلەپ، ئاندىن چىقىپ كەتتى. يۈسۈپ پادىشاھنىڭ ئەمرى بويىچە ئاتىسى بىلەن قېرىنداشلىرىنى مىسىرغا ئورۇنلاشتۇردى. ئۇ رەمىس شەھىرىنىڭ يېنىدىن دۆلەتنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىنى ئۇلارغا زېمىنلىققا بەردى ھەمدە ئاتىسى، قېرىنداشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆيدىكىلىرىگە نوپۇسنىڭ سانىغا قاراپ، ئاشلىق يەتكۈزۈپ بەردى. ئاچارچىلىق ئىنتايىن ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكتىن، ھەممە يەردە ئاشلىق قالمىغانىدى. مىسىرلىقلار بىلەن قانانلىقلار ئاچلىقتىن ئاجىزلاپ كەتتى. يۈسۈپ ئاشلىق سېتىپ، ئۇلارنىڭ ھەممە پۇللىرىنى يىغىۋېلىپ ئوردىغا تاپشۇردى. مىسىر ۋە قاناندىكى خەلقنىڭ قولىدىكى پۇللار تۈگىگەندە، مىسىر خەلقى يۈسۈپنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن: - پۇللىرىمىز تۈگەپ كەتتى. ئۆلۈمدىن ساقلىنىپ قېلىشىمىز ئۈچۈن بىر ئامال قىلىپ، بىزگە ئاشلىق يەتكۈزۈپ بەرگەيلا، - دەپ تەلەپ قىلدى. يۈسۈپ ئۇلارغا: - ئەگەر پۇلۇڭلار تۈگەپ كەتكەن بولسا، مېلىڭلارنى ئاشلىققا تېگىشىڭلار، - دېدى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ماللىرىنى يۈسۈپنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. يۈسۈپ ئۇلارنىڭ ئات، ئېشەك، قوي، كالا ۋە ئۆچكىلىرىگە ئاشلىق تېگىشىپ بەردى. شۇنداق قىلىپ، يۈسۈپ ئۇلارنىڭ مال-چارۋىلىرىنىڭ بەدىلىگە شۇ يىلى ئۇلارنى ئاشلىق بىلەن تەمىنلىدى. كېيىنكى يىلى، ئۇلار يەنە كېلىپ: - ئى ئالىيلىرى، ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرمايمىز. پۇللىرىمىز پۈتۈنلەي تۈگىدى. ماللىرىمىزمۇ ئۆزلىرىگە ئۆتۈپ كەتتى. ھازىر بىزنىڭ تېنىمىز ۋە يېرىمىزدىن باشقا ھېچ نەرسىمىز قالمىدى. ئۆلۈمدىن ساقلىنىپ قېلىشىمىزغا بىر ئامال قىلغايلا! يەرلىرىمىزنىڭ ئاق تاشلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۆزىمىز بىلەن يېرىمىزنى ئاشلىققا ئالماشتۇرۇپ بەرگەيلا. يەرلىرىمىز پادىشاھنىڭ بولسۇن. ئۆزىمىزمۇ پادىشاھنىڭ قۇلى بولۇپ، ئۇنىڭ دېھقانچىلىقىنى قىلايلى. ھايات قېلىشىمىز ئۈچۈن، يەرلەرنى تېرىشىمىزغا ئۇرۇقلۇق بەرگەيلا! - دەپ تەلەپ قىلدى. شۇنداق قىلىپ، يۈسۈپ پادىشاھ ئۈچۈن مىسىرنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى سېتىۋالدى. ئاچارچىلىقنىڭ ئېغىرلىقىدىن مىسىرلىقلار يەرلىرىنى سېتىشقا مەجبۇر بولدى. نەتىجىدە، پۈتۈن يەر-زېمىن پادىشاھقا ئۆتۈپ كەتتى. پۈتۈن مىسىر خەلقىمۇ ئۇنىڭ قۇلى بولۇپ قالدى. پەقەت روھانىيلارنىڭ يەرلىرىلا ئۆز قوللىرىدا قالدى. ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى سېتىشى ھاجەتسىز ئىدى. چۈنكى، ئۇلار پادىشاھتىن ھەقسىز ئاشلىق ئالاتتى. يۈسۈپ خەلققە: - مەن پادىشاھ ئۈچۈن سىلەرنى ۋە يەر-زېمىنلىرىڭلارنى سېتىۋالغانىكەنمەن، ئۇ يەرگە دېھقانچىلىق قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئۇرۇق بېرەي. ھوسۇل ۋاقتىدا, ھوسۇلنىڭ بەشتىن بىرىنى پادىشاھقا تاپشۇرۇپ، قالغىنىنى ئۆزۈڭلارغا ۋە ئائىلەڭلەرگە ئوزۇق ۋە ئۇرۇقلۇق قىلىڭلار، - دېدى. ئۇلار: - ئى ئالىيلىرى، ئۆزلىرى ھاياتىمىزنى قۇتقۇزۇپ قالدىلا. بىزگە شەپقەت قىلىپ، بىزنى قۇللۇققا قوبۇل قىلغايلا، - دېيىشتى. شۇڭا، يۈسۈپ مىسىرلىقلارغا «دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ھوسۇلىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى پادىشاھقا تاپشۇرۇش كېرەك» دېگەن قانۇننى تۈزۈپ بەردى. بۇ قانۇن بۈگۈنگىچە كۈچكە ئىگە بولماقتا. پەقەت روھانىيلارنىڭ يەرلىرىلا پادىشاھقا ئۆتمىدى. ئىسرائىللار مىسىرنىڭ گوشەن ۋىلايىتىدە ئولتۇراقلاشتى. ئۇلار روناق تېپىپ، ئاھالىلىرى ھەسسىلەپ كۆپەيدى. ياقۇپ مىسىردا ئون يەتتە يىل ياشاپ، بىر يۈز قىرىق يەتتە يىل ئۆمۈر كۆردى. ئۇ ئۆلۈش ئالدىدا يۈسۈپنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا: - ئەگەر سەن مەندىن رازى بولساڭ، قولۇڭنى ئىككى يوتامنىڭ ئاستىغا قويۇپ، ماڭا غەمخورلۇق كۆرسىتىپ، مېنى مىسىرغا دەپنە قىلماسلىققا قەسەم قىلغىن. مەن ۋاپات بولغاندا، مېنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، ئاتا-بوۋام دەپنە قىلىنغان يەرگە دەپنە قىلغىن، - دېدى. يۈسۈپ ئاتىسىغا: - تاپشۇرۇقىڭىزنى چوقۇم ئورۇندايمەن، - دېدى. ئىسرائىل: - ئۇنداق بولسا، ماڭا قەسەم قىلغىن، - دېدى. شۇنىڭ بىلەن، يۈسۈپ قەسەم قىلدى. ئىسرائىل كارىۋاتنىڭ باش تەرىپىدە باش قويۇپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇدى. بىرمەزگىلدىن كېيىن يۈسۈپكە ئاتىسىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر يەتتى. شۇڭا، يۈسۈپ ئىككى ئوغلى ماناسسە بىلەن ئەفرائىمنى ئېلىپ ئاتىسىنىڭ يېنىغا باردى. ياقۇپ ئوغلى يۈسۈپنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ياتقان ئورنىدىن كۈچىنىڭ بارىچە كۈچەپ تۇرۇپ، ئاران ئولتۇردى. ياقۇپ يۈسۈپكە: - ھەممىگە قادىر خۇدا قاناندىكى لۇز دېگەن يەردە ماڭا كۆرۈنۈپ، ماڭا بەخت ئاتا قىلغانىدى. ئۇ ماڭا: «مەن سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى كۆپەيتىپ، ئۇلارنى نۇرغۇن مىللەت قىلىمەن ۋە بۇ زېمىننى سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا مەڭگۈ زېمىنلىققا بېرىمەن» دېگەنىدى، - دېدى. ياقۇپ يەنە: - ئەي يۈسۈپ، مەن مىسىرغا كەلمەستە، سەن بۇ يەردە ئىككى ئوغۇل تېپىپسەن. بۇ ئىككى ئوغۇل، يەنى ئەفرائىم بىلەن ماناسسە، رۇبېن بىلەن شىمونغا ئوخشاش مېنىڭ ئوغۇللىرىم ھېسابلانسۇن. باشقا بالا تاپساڭ، ئۆزۈڭنىڭ بولسۇن. ئۇلار كەلگۈسىدە مىراسخورلۇق قىلىدىغان يەر ئەفرائىم بىلەن ماناسسەنىڭ زېمىنى ئىچىدە بولسۇن. بۇنداق قىلىشىمدىكى مەقسەت، ئاناڭ راھىلەنىڭ ۋەجىدىندۇر. مەن پاددان-ئاررامدىن قايتىپ كەلگىنىمدە، ئاناڭ قانان رايونىدىكى ئەفراتاغا بارىدىغان يول بويىدا مېنى ھەسرەتتە قالدۇرۇپ ۋاپات بولدى. مەن ئۇنى شۇ يەردىلا دەپنە قىلغانىدىم، - دېدى. (ئەفراتا ھازىر «بەيتلەھەم» دەپ ئاتىلىدۇ.) ئىسرائىل يۈسۈپنىڭ ئوغۇللىرىنى كۆرۈپ: - بۇ بالىلار كىم؟ - دەپ سورىدى. يۈسۈپ: - مېنىڭ ئوغۇللىرىم. مەن مىسىرغا كەلگەندىن كېيىن، خۇدا ماڭا بەرگەن بالىلار، - دەپ جاۋاب بەردى. ئىسرائىل يەنە: - ئۇلارنى يېنىمغا ئەكەل، ئۇلارغا دۇئا قىلاي، - دېدى. ئىسرائىل قېرىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، كۆزى تورلىشىپ ياخشى كۆرمەيتتى. يۈسۈپ بالىلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئىسرائىل ئۇلارنى قۇچاقلاپ، سۆيۈپ قويۇپ، يۈسۈپكە: - ئەسلى سېنى قايتا كۆرىمەن، دەپ ئويلاپ باقمىغانىدىم. مانا ئەمدى خۇدا ماڭا سېنىڭ ئوغۇللىرىڭنىمۇ كۆرسەتتى! - دېدى. يۈسۈپ ئىسرائىلنىڭ تىزىدىن ئىككى ئوغلىنى يەرگە چۈشۈرۈپ، ئۆزى ئاتىسىنىڭ ئالدىدا بېشىنى يەرگە تەگكۈدەك ئېگىپ تەزىم قىلدى. يۈسۈپ ئەفرائىمنى ئىسرائىلنىڭ سول يېنىغا، ماناسسەنى ئوڭ يېنىغا تۇرغۇزدى. لېكىن، ئىسرائىل ئىككى قولىنى ئالماشتۇرۇپ، ئوڭ قولىنى كىچىك نەۋرىسى ئەفرائىمنىڭ بېشىغا، سول قولىنى چوڭ نەۋرىسى ماناسسەنىڭ بېشىغا قويۇپ، يۈسۈپكە بەخت تىلەپ، مۇنداق دۇئا قىلدى: «بوۋىلىرىم ئىبراھىم بىلەن ئىسھاق يېقىن ئەگەشكەن خۇدا بۇ ئىككى نەۋرەمنى بەختلىك قىلغاي. مېنى بۈگۈنگىچە يېتەكلەپ كەلگەن خۇدا ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلغاي. مېنى پۈتۈن بالا-قازالاردىن قۇتقۇزغان پەرىشتە ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلغاي. مېنىڭ نامىم، ئاتا-بوۋام ئىبراھىم بىلەن ئىسھاقنىڭ نامى بۇ بالىلار ئارقىلىق مەڭگۈ داۋاملاشقاي. ئۇلار نۇرغۇن ئەۋلادلىق بولۇپ، يەر يۈزىدە گۈللەپ ياشنىغاي.» يۈسۈپ ئاتىسىنىڭ ئوڭ قولىنى ئەفرائىمنىڭ بېشىغا قويغىنىنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە نارازى بولغانىدى. شۇڭا، ئۇ ئاتىسىنىڭ ئوڭ قولىنى ئەفرائىمنىڭ بېشىدىن ماناسسەنىڭ بېشىغا يۆتكەپ قويماقچى بولۇپ، ئاتىسىغا: - ئاتا، بۇ ئىشىڭىز توغرا بولمىدى. چوڭى بۇ. ئوڭ قولىڭىزنى ئۇنىڭ بېشىغا قويغايسىز! - دېدى. ئاتىسى رەت قىلىپ: - ئەي ئوغلۇم، بىلىمەن، بىلىمەن. ماناسسەنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ چوڭ خەلق بولىدۇ، لېكىن ئىنىسى ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. ئىنىسىنىڭ ئەۋلادلىرى روناق تاپقان كۆپ خىل خەلقلەرگە ئايلىنىدۇ! - دېدى. ئۇ كۈنى، ئىسرائىل ئۇلارغا بەخت تىلەپ، مۇنداق دۇئا قىلدى: «كەلگۈسىدە ئىسرائىلنىڭ ئەۋلادلىرى كىشىلەرگە خەيرلىك دۇئا قىلغاندا، مۇنداق دېسۇن: ˜خۇدا سىلەرنى ئەفرائىم بىلەن ماناسسەگە ئوخشاش بەختلىك قىلغاي!Œ» شۇنداق قىلىپ، ياقۇپ ئەفرائىمنى ئۇنىڭ ئاكىسى ماناسسەدىن يۇقىرى ئورۇنغا قويدى. كېيىن، ئىسرائىل يۈسۈپكە: - مېنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشۈمگە ئاز قالغانلىقىنى بىلىسەن. لېكىن، خۇدا جەزمەن سىلەرگە يار بولۇپ، سىلەرنى ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ زېمىنىغا قايتۇرۇپ كېتىدۇ. مەن ساڭا قېرىنداشلىرىڭغا قارىغاندا بىر ھەسسە ئارتۇق زېمىن بېرىمەن. ئۇ يەرنى مەن ئامورلارنىڭ قولىدىن قىلىچ ۋە ئوقيايىم بىلەن تارتىۋالغانىدىم، - دېدى. ياقۇپ ئوغۇللىرىنى ئالدىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - ھەممىڭلار ئالدىمغا كېلىڭلار، سىلەرگە دۇچ كېلىدىغان ئىشلارنى ئېيتىپ قوياي! «ئەي ئوغۇللىرىم، ھەممىڭلار كېلىپ قۇلاق سېلىڭلار. ئاتاڭلار ئىسرائىلنىڭ سۆزلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تىڭشاڭلار. ئەي رۇبېن، سەن تۇنجى ئوغلۇمسەن، سەن كۈچ-قۇدرىتىمسەن. چوڭ بولۇپ تاپقان تۇنجى ئوغلۇمسەن، ئوغۇللىرىم ئىچىدە ئەڭ غۇرۇرلۇقى ۋە كۈچلۈكى سەن. بىراق، سەن كەلكۈندەك ئېقىپ، تۇتۇق بەرمىدىڭ! سەن كىچىك خوتۇنۇم بىلەن بىر ئورۇندا يېتىپ، كۆرپەمنى بۇلغىغاچقا، ئەمدى كاتتا كىشى بولالمايسەن. شىمون بىلەن لاۋىي ئىتتىپاقداش بولۇپ، ئۇلارنىڭ قىلىچلىرى رەھىمسىزلىك قىلدى. قوشۇلمايمەن ئۇلارنىڭ يامان نىيىتىگە، قاتناشمايمەن ئۇلارنىڭ سۇيىقەستلىك پىلانىغا، چۈنكى ئۇلار دەرغەزەپتە ئادەم ئۆلتۈرۈپ، بۇقىلارنىڭ پېيىنى خالىغىنىچە كەستى. ياغسۇن لەنەتلەر ئۇلارنىڭ غەزىپىگە، شۇنداقلا رەھىمسىز ئۆچمەنلىكىگە. تارقىتىۋېتەرمەن، چېچىۋېتەرمەن ئۇلارنى ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىغا. ئەي يەھۇدا، قېرىنداشلىرىڭ سېنى ماختار. سەن دۈشمەننىڭ گېلىنى سىقارسەن. قېرىنداشلىرىڭ سېنىڭ ئالدىڭدا باش قويار. يەھۇدا دۈشمىنىگە ياش شىردەك ئېتىلىدۇ. ئۇنى مەغلۇپ قىلىپ، قايتىپ كېلىدۇ ئۇۋىسىغا. سوزۇلۇپ ياتسا ئۇۋىسىدا، كىممۇ ئۇنىڭغا تېگىشكە جۈرئەت قىلار؟ يەھۇدا تۇتار پادىشاھلىق ئەڭگۈشتىرىنى، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى يۈرگۈزەر ھاكىمىيەتنى. كېيىن، پۈتكۈل ئەل قوشار تۆھپە ئۇنىڭغا، پۈتكۈل خەلق تەزىم قىلار ئۇنىڭغا. ھەددى-ھېسابسىز باي بولغانلىقىدىن ئۇ، غاجاپ قويۇشىغا قارىماي تەخىيىنىڭ، باغلاپ قويار ئۇنى ئەڭ ياخشى ئۈزۈمگە. كىيىملىرىنى يۇيار ئۈزۈم شارابىدا، ئېسىل تونىنى يۇيار ئۈزۈم شەربىتىدە. ئۇنىڭ كۆزلىرى مۇسەللەستىن قارا. چىشلىرى سۈتتىنمۇ ئاق. زەبۇلۇن تۇرار دېڭىز بويىدا، ئۇ يەر كېمە پورتى بولار، زېمىنى سىدون تەرەپكە سوزۇلار. ئىسساكار گويا كۈچلۈك ئېشەك بولۇپ، ئېغىلنىڭ ئىچىدە ياتار. كۆرگەندە ئۇ دەم ئېلىش ئورنىنىڭ ياخشىلىقىنى ۋە يېرىنىڭ مۇنبەتلىكىنى، ئارتىپ يۈكنىڭ ئېغىرىنى مۈرىسىگە، قۇل بولۇپ، جاپالىق ئىشقا مەجبۇر بولار. دان ئىسرائىل قەبىلىسىدىن بىرى بولار، ئۇ ئۆز خەلقىگە ئادىل ھۆكۈم قىلار. ئۇ يىلاندەك يول بويلىرىدا، زەھەرلىك يىلاندەك چىغىر يوللاردا، چېقىپ ئاتنىڭ تۇيىقىنى، ئارقىسىغا يىقىتار ئاتلىقلارنى. ئى پەرۋەردىگارىم، قۇتقۇزۇشۇڭنى كۈتمەكتىمەن! گاد قاراقچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرار. لېكىن، ئۇ كەينىدىن ھۇجۇم قىلىپ، زەربە بېرەر. ئاشېرنىڭ زېمىنى بەئەينى مول ئاشلىق ئامبىرى بولۇپ، پادىشاھلارنى ئۇ تەمىنلەر خاس لەززەتلىك تاماقلىرى بىلەن. نافتالى ئەركىن ئانا كېيىكتۇر، ئۇ تۇغار سۆيۈملۈك بالا كېيىكلەرنى. يۈسۈپ مېۋىلىك دەرەختۇر. ئۇ بۇلاققا يېقىندۇر. ئۇنىڭ شاخلىرى ھالقىپ ئۆتەر تامدىن. شىددەتلىك ھۇجۇم قىلار دۈشمەن ئوۋچىلىرى ئۇنىڭغا، ئوقيالار دەھشەتلىك ئېتىلار ئۇنىڭغا، لېكىن ئۇنىڭ يايى مەزمۇت يەنىلا، ئۇنىڭ قوللىرى كۈچلۈك يەنىلا. تايانغاچقا ئۇ ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان قادىر خۇداغا، يەنى ئىسرائىلنىڭ پادىچىسىغا، قورام تېشىغا. ئاتاڭ ئىبادەت قىلغان خۇدا ساڭا ياردەم قىلار، ھەممىگە قادىر خۇدا سېنى بەختلىك قىلار. ئۇ ساڭا خاسىيەتلىك يامغۇر ياغدۇرۇپ، يەردىكى بۇلاقلارنى تەقدىم قىلار. ئات-كالىلىرىڭنى ھەم ئاۋۇتۇپ، ئەۋلادلىرىڭنى ھەسسىلەپ كۆپەيتەر. ئاتاڭ خۇدادىن ئېرىشكەن بۇ بەخت، قەدىمكى تاغ چوققىلىرىدىنمۇ، ئېدىرلىقلاردىكى بايلىقلاردىنمۇ بۈيۈكتۇر. مانا بۇ بەخت-سائادەت يۈسۈپنىڭ بېشىغا، يەنى قېرىنداشلىرىدىن تاللانغىنىغا قونار. بىنيامىن گويا يىرتقۇچ چىلبۆرە. ئۇ ئەتىگىنى تۇتقىنىنى يالماپ، كېچىسى ئولجىلارنى بۆلەر.» ئىسرائىلنىڭ بۇ ئون ئىككى ئوغلى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ بوۋىلىرى بولدى. بۇ سۆزلەر - ياقۇپنىڭ ھەربىر ئوغلىغا قىلغان لايىق خەيرلىك دۇئاسىدۇر. ياقۇپ ئوغۇللىرىغا مۇنداق دەپ تاپىلىدى: - ئەجدادلىرىمنىڭ قېشىغا كېتىدىغانغا ئاز قالدىم. سىلەر مېنى ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ يېنىغا، يەنى خىتلاردىن بولغان ئەفروننىڭ ئېتىزلىقىدىكى ئۆڭكۈرگە دەپنە قىلىڭلار. بۇ ئۆڭكۈر قاناندىكى مامرەنىڭ شەرق تەرىپىدىكى ماكپېلاھ يېزىسىدا بولۇپ، ئىبراھىم ئۇ ئۆڭكۈر بىلەن يەرنى خىتلاردىن بولغان ئەفروندىن يەرلىك قىلىش ئۈچۈن سېتىۋالغانىدى. ئىبراھىم ۋە ئايالى سارە ئۇ يەرگە قويۇلغان. ئىسھاق ۋە ئايالى رىبەقامۇ ئۇ يەرگە قويۇلغان. مەن لېياھنىمۇ ئۇ يەرگە دەپنە قىلدىم. ئۇ يەر بىلەن ئۆڭكۈر خىتلاردىن سېتىۋېلىنغان بولۇپ، سىلەر مېنى شۇ يەرگە قويۇڭلار. ياقۇپ ئوغۇللىرىغا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، يېتىپلا، نەپىسى توختاپ، ئەجدادلىرىنىڭ قېشىغا كەتتى. يۈسۈپ ئاتىسىنىڭ جەسىتىگە ئۆزىنى تاشلاپ، ھەسرەت بىلەن يىغلاپ، ئۇنىڭ يۈزىنى سۆيدى. كېيىن، يۈسۈپ قول ئاستىدىكى تېۋىپلىرىغا ئاتىسىنىڭ جەسىتىنى موملاشنى بۇيرۇدى. ئۇلار ئادەتلىرى بويىچە قىرىق كۈن ئىچىدە جەسەتنى چىرىشتىن ساقلاش خىزمىتىنى تاماملىدى. مىسىرلىقلار ئۇنىڭغا يەتمىش كۈن ماتەم تۇتتى. قارىلىق تۇتۇش مەزگىلى ئۆتكەندىن كېيىن، يۈسۈپ پادىشاھنىڭ ئەمەلدارلىرىغا: - ئېغىر كۆرمىسەڭلار، پادىشاھقا مۇنداق دەڭلار: «ئاتام جان ئۈزۈش ئالدىدا مېنى ئۆزىنى قاناندا تەييارلاپ قويغان يەرلىككە قويۇشۇمغا قەسەم قىلدۇرغانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ماڭا ئىجازەت بەرسە، ئۇ يەرگە بېرىپ ئاتامنى دەپنە قىلىپ كەلسەم»، - دېدى. پادىشاھ ئۇنىڭغا: - بارسۇن، ئاتىسىغا بەرگەن قەسىمى بويىچە دەپنە قىلسۇن، - دەپ جاۋاب قايتۇردى. بۇنىڭ بىلەن، يۈسۈپ ئاتىسىنى دەپنە قىلغىلى كەتتى. پادىشاھنىڭ بارلىق خىزمەتچىلىرى، ئوردا ئەمەلدارلىرى ۋە مىسىردىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەربابلار يۈسۈپ بىلەن بىللە بېرىشتى. يۈسۈپنىڭ پۈتۈن ئائىلىسى، قېرىنداشلىرى ۋە ئاتىسىنىڭ جەمەتلىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە باردى. پەقەت يۈسۈپنىڭ كىچىك بالىلىرى ۋە قوي-كالىلىرىلا گوشەندە قالغانىدى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارغانلارنىڭ ئىچىدە يەنە جەڭ ھارۋىلىرىغا ئولتۇرغانلار ۋە ئاتلىقلارمۇ بار ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار گويا چوڭ بىر قوشۇندەك بولدى. ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ نېرىسىدىكى ئاتاد دېگەن يەردىكى خامانغا كەلگەندە، قاتتىق يىغا-زار قىلىشتى. يۈسۈپلەر ئۇ يەردە يەتتە كۈن ھازا تۇتتى. بۇنى كۆرگەن قانانلىقلار: «مىسىرلىقلارنىڭ دەپنە مۇراسىمى نېمىدېگەن داغدۇغىلىق» دېيىشكەنىدى. شۇڭا، بۇ يەرگە ئابېل-مىزرائىم [مەنىسى «مىسىرلىقلارنىڭ ھازا تۇتۇشى»] دەپ نام قويۇلدى. شۇنداق قىلىپ، ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى ئاتىسىنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە ئۇنىڭ جەسىتىنى قانانغا ئاپىرىپ، مامرەنىڭ شەرقىدىكى ماكپېلاھتىكى ئۆڭكۈرگە دەپنە قىلدى. بۇ ئۆڭكۈر ئىبراھىم خىت قەبىلىسىدىن بولغان ئەفروندىن قەبرىستانلىق ئۈچۈن سېتىۋالغان ئېتىزلىقتا ئىدى. يۈسۈپ ئاتىسىنى دەپنە قىلىپ بولۇپ، ئۆز قېرىنداشلىرى ۋە دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشقان بارلىق كىشىلەر بىلەن بىللە مىسىرغا قايتىپ كەلدى. يۈسۈپنىڭ ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى: «ئەگەر يۈسۈپ كۆڭلىدە بۇرۇن ئۇنىڭغا يامانلىق قىلغىنىمىز ئۈچۈن ئاداۋەت ساقلاپ، بىزدىن ئىنتىقام ئالىمەن دېسە، قانداق قىلىمىز؟» دەپ ئويلاشقانىدى. شۇڭا، ئۇلار بىر كىشى ئارقىلىق يۈسۈپكە: - ئاتىمىز جان ئۈزۈش ئالدىدا، بىزگە ساڭا بۇنى ئېيتىپ قويۇشىمىزنى تاپىلىغان: «ئاكىلىرىڭ ساڭا يامانلىق قىلىپ قويدى. ئۇلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلىۋەت». شۇنىڭ ئۈچۈن، سەندىن بىزنىڭ خاتالىقىمىزنى كەچۈرۈم قىلىشىڭنى سورايمىز. بىز بولساق ئاتاڭ ئىبادەت قىلغان خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى، - دەپ سۆز يەتكۈزدى. يۈسۈپ بۇ سۆزنى ئاڭلاپ يىغلىۋەتتى. ئاندىن، يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، بېشى يەرگە تەگكۈچە تەزىم قىلىپ، مۇنداق دېدى: - بىز سېنىڭ قۇلۇڭ بولايلى! يۈسۈپ ئۇلارغا: - قورقماڭلار! مەن ھۆكۈم قىلىپ جازالايدىغان خۇدا ئەمەسمەن! سىلەر ئەسلىدە ماڭا زىيانكەشلىك قىلماقچىدىڭلار، لېكىن خۇدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، يامان ئىشىڭلارنى ياخشى ئىشقا ئايلاندۇردى. بۈگۈن مانا شۇنچە نۇرغۇن كىشىلەر ھايات قالدى. سىلەر قورقماڭلار. مەن چوقۇم سىلەرگىمۇ پەرزەنتلىرىڭلارغىمۇ غەمخورلۇق قىلىمەن، - دېدى. يۈسۈپ قېرىنداشلىرىغا مېھرىبانلىق بىلەن تەسەللى بېرىپ، ئۇلارنى خاتىرجەم قىلدى. يۈسۈپ ۋە ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئۇرۇق-جەمەتى مىسىردا ئولتۇراقلىشىپ قالغانىدى. يۈسۈپ بىر يۈز ئون يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ئۆمرى شۇنچىلىك ئۇزۇن بولدىكى، ئۇ ھەتتا ئوغلى ئەفرائىمنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلادىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولغان. يۈسۈپ ماناسسەنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئوغۇللىرىنىمۇ ئۆز قوينىغا ئالغان. ئۇ قېرىنداشلىرىغا: - مەن ئالەمدىن ئۆتۈشكە ئاز قالدىم. خۇدا چوقۇم سىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، سىلەرنى بۇ يەردىن ئېلىپ، ئىبراھىمغا، ئىسھاققا ۋە ياقۇپقا ۋەدە قىلىپ بەرمەكچى بولغان زېمىنغا باشلاپ بارىدۇ، - دېدى. يۈسۈپ قېرىنداشلىرىغا يەنە: - خۇدا سىلەرگە غەمخورلۇق قىلىپ، سىلەرنى ئۇ يەرگە ئېلىپ كەتكەن ۋاقىتتا، مېنىڭ جەسىتىمنى بىللە ئېلىپ كېتىشكە مېنىڭ ئالدىمدا قەسەم قىلىڭلار! - دېدى. يۈسۈپ بىر يۈز ئون يېشىدا مىسىردا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇلار ئۇنىڭ جەسىتىنى چىرىشتىن ساقلاش ئۈچۈن موملاپ، ساندۇققا سېلىپ قويدى. ياقۇپنىڭ ھەرقايسى ئوغۇللىرى ئۆز بالا-چاقىلىرىنى ئېلىپ، ياقۇپ بىلەن بىللە مىسىرغا باردى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسىملىرى رۇبېن، شىمون، لاۋىي، يەھۇدا، ئىسساكار، زەبۇلۇن، بىنيامىن، دان، نافتالى، گاد ۋە ئاشېر ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياقۇپنىڭ بىۋاسىتە ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمئىي يەتمىش كىشى ئىدى. ياقۇپنىڭ يەنە بىر ئوغلى يۈسۈپ بۇ ۋاقىتتا ئاللىقاچان مىسىردا ئىدى. كېيىن، يۈسۈپ ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ھەمدە بارلىق زامانداشلىرى ئالەمدىن ئۆتتى. شۇنداقتىمۇ، ئىسرائىلنىڭ (يەنە بىر ئىسمى ياقۇپ) ئەۋلادلىرى تېز كۆپىيىپ، ئۇ يەرنى تولدۇردى ۋە خېلى كۈچىيىپ قالدى. كېيىن، يۈسۈپنىڭ مىسىر خەلقىگە قىلغان ياخشىلىقلىرىدىن خەۋىرى بولمىغان يېڭى بىر پادىشاھ مىسىردا تەختكە چىقتى. ئۇ مىسىرلىقلارغا: - بۇ ئىسرائىللارنىڭ بىزگە قارىغاندا كۆپىيىپ، بىزدىنمۇ كۈچىيىپ كېتىۋاتقانلىقىغا قاراڭلار! ئەڭ ياخشىسى ئاقىلانە تەدبىر قوللىنىپ، بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا، ناۋادا ئۇرۇش پارتلاپ قالسا، ئۇلار دۈشمەنلەر بىلەن بىرلىشىپ بىزگە ھۇجۇم قىلىپ، بۇ يەردىن قېچىپ كېتىشى مۇمكىن، - دېدى. بۇنىڭ بىلەن، مىسىرلىقلار ئىسرائىللارنى ئېغىر ئەمگەكلەر بىلەن ئېزىش ئۈچۈن، ئەمگەك نازارەتچىلىرىنى تەيىنلىدى. ئۇلار ئىسرائىللارغا پادىشاھ ئۈچۈن پىتوم ۋە رەمىس ئىسىملىك تەمىنلەش مەركىزى قىلىنغان شەھەرلەرنى سالدۇردى. لېكىن، مىسىرلىقلار ئىسرائىللارنى قانچە ئەزگەنسېرى، ئۇلار شۇنچە كۆپىيىپ، دۆلەتنىڭ باشقا يەرلىرىگىمۇ تارقالدى. بۇ سەۋەبتىن، مىسىرلىقلار ئىسرائىللاردىن قورقۇپ، ئۇلارنى تېخىمۇ ئېغىر ئىشلارغا سالدى. مىسىرلىقلار ئۇلارنى لايچىلىق، كېسەك قۇيۇش ۋە ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى قىلىشتەك ئېغىر ئەمگەكلەرگە سېلىپ، ئىنتايىن قاتتىق ئازابلارغا دۇچار قىلدى. مىسىر پادىشاھى يەنە سەخرا ۋە پۇۋا ئىسىملىك ئىككى نەپەر ئىبرانىي تۇغۇت ئانىسىغا: - سىلەر ئىبرانىي ئاياللىرىنى تۇغدۇرغان ۋاقتىڭلاردا، بوۋاقنىڭ ئوغۇل ياكى قىز ئىكەنلىكىگە قاراڭلار. ئەگەر ئوغۇل تۇغۇلسا، بوۋاقنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار؛ قىز تۇغۇلسا، تىرىك قالدۇرۇڭلار، - دېدى. لېكىن، بۇ ئىككى تۇغۇت ئانىسى خۇداغا ئىخلاسمەن بولغاچقا، پادىشاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنماي، ئوغۇل بوۋاقلارنى ئۆلتۈرمىدى. شۇڭا، پادىشاھ ئۇلارنى چاقىرتىپ: - بۇ سىلەرنىڭ نېمە قىلغىنىڭلار؟ نېمە ئۈچۈن ئوغۇل بوۋاقلارنى ئۆلتۈرمىدىڭلار؟ - دەپ سورىدى. ئۇلار: - ئىبرانىي ئاياللىرى مىسىر ئاياللىرىغا ئوخشىمايدۇ. ئۇلار ناھايىتى ساغلام كېلىدۇ. بىز يېتىپ بارغۇچە، ئۆزلىرى تۇغۇپ بولىدۇ، - دەپ جاۋاب بېرىشتى. بۇنىڭ بىلەن، مىسىر پادىشاھى پۈتۈن پۇقرالىرىغا: - ئىسرائىللاردىن تۇغۇلغان ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ ھەممىسىنى نىل دەرياسىغا تاشلاڭلار، قىز بالىلارنىلا تىرىك قالدۇرۇڭلار، - دەپ ئەمر قىلدى. ئىسرائىللارنىڭ لاۋىي قەبىلىسىدىكى بىر كىشى ئۆز قەبىلىسىدىن بولغان بىرسىگە نىكاھلاندى. ئايالى ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئانا بوۋاقنىڭ چىرايلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئۈچ ئاي يوشۇرۇن ساقلىدى. ئۇ بالىنى زادى يوشۇرالمايدىغان يەرگە كەلگەندە، قومۇشتىن بىر سېۋەت توقۇپ، ئۇنى موم ۋە لاي بىلەن سۇۋاپ، سۇ ئۆتمەس قىلدى ۋە بالىنى سېۋەتكە سېلىپ، ئاندىن سېۋەتنى نىل دەرياسى بويىدىكى قومۇشلۇققا ئاپىرىپ، يوشۇرۇنچە سۇغا قويۇۋەتتى. بالىنىڭ ھەدىسى قانداق ئەھۋال يۈز بېرىدىكىن دەپ، يىراقتىن سېۋەتنى كۆزىتىپ تۇردى. پادىشاھنىڭ قىزى دەريا بويىغا سۇغا چۆمۈلگىلى كەلدى. ئۇنىڭ كېنىزەكلىرى دەريا بويىدا سەيلە قىلىشقا باشلىدى. تۇيۇقسىز، مەلىكە قومۇشلۇقتا بىر سېۋەتنىڭ تۇرغىنىنى كۆرۈپ قالدى-دە، ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن خاس كېنىزىكىنى ئەۋەتتى. مەلىكە سېۋەتنى ئېچىپ، بىر ئوغۇل بوۋاقنىڭ يىغلاپ ياتقىنىنى كۆردى. مەلىكە ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ: - بۇ چوقۇم بىر ئىبرانىينىڭ بوۋىقى، - دېدى. بۇ چاغدا، بوۋاقنىڭ ھەدىسى كېلىپ، مەلىكىگە: - مەن بېرىپ، ئىبرانىيلار ئارىسىدىن سىز ئۈچۈن بوۋاقنى ئېمىتىدىغان بىر ئىنىكئانا تېپىپ كېلەيمۇ؟ - دەپ سورىدى. مەلىكە: - ماقۇل، بارغىن، - دېدى. ئۇ بېرىپ، بوۋاقنىڭ ئۆز ئانىسىنى چاقىرىپ كەلدى. مەلىكە بۇ ئايالغا: - بوۋاقنى ئۆيۈڭگە ئېلىپ كېتىپ، مەن ئۈچۈن ئېمىت. ئىش ھەققىڭنى بېرىمەن، - دېدى. بۇنىڭ بىلەن، ئايال بوۋاقنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ ئېمىتتى. بالا خېلى چوڭ بولغاندا، ئانىسى ئۇنى مەلىكىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. مەلىكە ئۇنى ئۆز ئوغلى قىلىپ بېقىۋالدى ۋە «مەن ئۇنى سۇدىن تارتىپ چىقىرىۋالغان» دەپ، ئۇنىڭغا مۇسا [ئىبرانىي تىلىدىكى «تارتىپ چىقىرىش» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دېگەن ئىسىمنى قويدى. مۇسا چوڭ بولغاندىن كېيىن، ئىبرانىي قېرىنداشلىرىنى يوقلاپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئېغىر ئەمگەكلەرگە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. ئارىدا، ئۇ بىر مىسىرلىقنىڭ ئىبرانىي قېرىنداشلىرىدىن بىرىنى ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئەتراپىغا قاراپ «باشقا ئادەم يوققۇ» دەپ ئويلاپ، ھېلىقى مىسىرلىقنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆلۈكىنى قۇمغا كۆمۈۋەتتى. ئەتىسى، مۇسا يەنە سىرتقا چىقىپ، ئىككى ئىسرائىلنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇ يولسىزلىق قىلغان بىرىگە: - نېمىشقا ئۆز قېرىندىشىڭنى ئۇرىسەن؟ - دېدى. ھېلىقى كىشى: - كىم سېنى بىزگە باشلىق ياكى سوراقچى بولسۇن دەپتۇ!؟ سەن ھېلىقى مىسىرلىقنى ئۆلتۈرگىنىڭدەك ئەمدى مېنىمۇ ئۆلتۈرمەكچىمۇ؟ - دېدى. مۇسا بۇ گەپنى ئاڭلاپ قورقۇپ قالدى. ئۇ ئىچىدە «مېنىڭ قىلغان ئىشىمنى باشقىلار جەزمەن بىلىپ قاپتۇ» دەپ ئويلىدى. پادىشاھ بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، مۇسانى ئۆلتۈرمەكچى بولدى. بىراق، مۇسا ئۇنىڭدىن قېچىپ، مىدىيان دېگەن دۆلەتكە باردى. بىر كۈنى، ئۇ بىر قۇدۇقنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى. مىدىياندىكى بىر روھانىينىڭ يەتتە قىزى بار ئىدى. ئۇلار دائىم ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى سۇغىرىش ئۈچۈن بۇ قۇدۇق بېشىغا كېلىپ، سۇ تارتىپ، ئوقۇرلارنى تولدۇرۇشاتتى. بۇنداق ۋاقىتلاردا، بىرقانچە پادىچى كېلىپ، ئۇلارنى قوغلىۋېتەتتى. بۇ قېتىم بولسا، مۇسا ئۇلارنى قوغدىدى ۋە ئۇلارغا ياردەملىشىپ سۇ تارتىپ بەردى. ئۇلار ئاتىسى رەئۇلنىڭ يېنىغا قايتىپ بارغىنىدا، ئاتىسى ئۇلاردىن: - بۈگۈن ئەجەب بۇرۇنلا قايتىپ كەپسىلەرغۇ؟ - دەپ سورىدى. ئۇلار: - بىر مىسىرلىق بىزنى پادىچىلارنىڭ بوزەك قىلىشىدىن قۇتۇلدۇردى، ھەتتا بىز ئۈچۈن سۇ تارتىپ قويلىرىمىزنى سۇغىرىپ بەردى، - دەپ جاۋاب بېرىشتى. ئاتىسى قىزلىرىغا: - ئۇ قەيەردە قالدى؟ ئۇنى سىرتتا تاشلاپ كەلگىنىڭلار نېمىسى؟ ئۇنى بىز بىلەن بىللە تاماق يېيىشكە چاقىرىپ كېلىڭلار، - دېدى. مۇسا رەئۇلنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قالدى. رەئۇل قىزى زىپورەنى ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا بەردى. زىپورە بىر ئوغۇل تۇغدى. مۇسا «مەن ياقا يۇرتتىكى بىر مۇساپىر ئىدىم» دەپ، بالىغا گەرشوم [«ئۇ يەردە ياقا يۇرتلۇق» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دېگەن ئىسىمنى قويدى. ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، مىسىر پادىشاھىمۇ ئۆلدى. ئىسرائىللار يەنىلا ئېغىر ئەمگەكلەردىن قاتتىق ئازاب چېكىپ، خۇدادىن ياردەم تىلەپ، نالە-پەرياد كۆتۈرۈشتى. ئۇلارنىڭ نالە-پەرياد ئاۋازى خۇداغا يەتتى. خۇدا ئۇلارنىڭ نالە-پەريادلىرىنى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىدىن بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى ئېسىگە ئالدى. ئۇ ئىسرائىللارنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىتىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا ئىنتايىن ئىچ ئاغرىتتى. مۇسا قېيناتىسى، مىدىيان روھانىيسى يېترو (يەنە بىر ئىسمى رەئۇل)~نىڭ قويىنى باقاتتى. بىر كۈنى، ئۇ پادىسىنى ھەيدەپ چۆلنى كېسىپ ئۆتۈپ، خۇدانىڭ تېغى - سىناي تېغىغا كەلدى. ئۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى تىكەنلىكتىكى يالقۇنجاپ يېنىۋاتقان ئوت ئىچىدىن مۇساغا تۇيۇقسىز كۆرۈندى. مۇسا تىكەنلىكتە ئوت يېنىۋاتقان بولسىمۇ، تىكەنلىكنىڭ كۆيۈپ كەتمەيۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇ «بۇ ئاجايىپ ئىشقۇ، تىكەنلىك نېمىشقا كۆيۈپ كەتمەيدىغاندۇ؟ يېنىغا بېرىپ قاراپ باقايچۇ!» دەپ ئويلىدى. مۇسانىڭ يېقىنلاپ كەلگىنىنى كۆرگەن پەرۋەردىگار تىكەنلىكنىڭ ئىچىدىن: - مۇسا! مۇسا! - دەپ توۋلىدى. - مانا مەن! - دەپ جاۋاب بەردى مۇسا. خۇدا ئۇنىڭغا: - بۇ يەرگە يېقىن كەلمە، چورۇقلىرىڭنى سالغىن. چۈنكى، سەن تۇرۇۋاتقان يەر مۇقەددەستۇر. مەن سېنىڭ ئاتاڭ، شۇنداقلا ئەجدادلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بولىمەن، - دېدى. بۇنى ئاڭلىغان مۇسا خۇداغا قاراشقا پېتىنالماي، يۈزىنى ئېتىۋالدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: - مەن خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ مىسىردا خارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ ئەمگەك نازارەتچىلىرىنىڭ زۇلمىدىن قىلغان نالە-پەريادلىرىنى ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ ئازاب تارتىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن. شۇڭا، مەن ئۇلارنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ، سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان بىپايان مۇنبەت زېمىنغا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن چۈشتۈم. ئۇ يەر قانانلار، خىتلار، ئامورلار، پەرىزىلەر، ھىۋىلار ۋە يەبۇسلارنىڭ ماكانىدۇر. خەلقىمنىڭ قىلغان نالە-پەريادى قۇلىقىمغا ئاڭلانماقتا. مىسىرلىقلارنىڭ ئۇلارنى قانداق ئەزگەنلىكىمۇ كۆز ئالدىمدا تۇرماقتا. شۇڭا، ئەمدى سېنى مىسىر پادىشاھىنىڭ ئالدىغا ئەۋەتىمەن. بېرىپ، ئۆز خەلقىم بولغان ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىق. لېكىن، مۇسا خۇداغا: - مەن مىسىر پادىشاھىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقالايدىغان قانچىلىك چوڭ ئادەم ئىدىم؟ - دېدى. خۇدا ئۇنىڭغا: - مەن ساڭا يار بولىمەن. سەن ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، سىلەر بۇ تاغقا كېلىپ ماڭا ئىبادەت قىلىسىلەر. مانا بۇ مېنىڭ سېنى ئەۋەتكەنلىكىمنىڭ بەلگىسى، - دېدى. - مەن بېرىپ، ئىسرائىللارغا: «مېنى بۇ يەرگە سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئەۋەتتى» دېسەم، ئۇلار ماڭا ئىشەنمەي: «قايسى خۇدا ھەققىدە سۆزلەۋاتىسەن؟ ئۇنىڭ نام-شەرىپى نېمە؟» دەپ سورىسا، مەن نېمە دەيمەن؟ - دېدى مۇسا. خۇدا مۇنداق دېدى: - مەن «مەڭگۈ بار بولغۇچى»~دۇرمەن. سەن بېرىپ، ئۇلارغا: «مېنى سىلەرگە ˜مەڭگۈ بار بولغۇچىŒ ئەۋەتتى» دېگىن. خۇدا مۇساغا يەنە: - ئىسرائىللارغا: «˜مەڭگۈ بار بولغۇچىŒ، يەنى ئەجدادلىرىڭلار ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا مېنى يېنىڭلارغا ئەۋەتتى» دېگىن. بۇ، مېنىڭ مەڭگۈلۈك نامىم. ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە مۇشۇ نام بىلەن ئەسكە ئېلىنىمەن. سەن بېرىپ ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنى يىغىپ، ئۇلارغا: «پەرۋەردىگار، يەنى سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ماڭا كۆرۈندى. ئۇ مېنىڭ سىلەرگە: ˜مەن مىسىرلىقلارنىڭ سىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. مەن سىلەرنى ئۇلارنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا ۋەدە قىلدىم. مەن سىلەرنى سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا، يەنى قانانلار، خىتلار، ئامورلار، پەرىزىلەر، ھىۋىلار ۋە يەبۇسلارنىڭ ماكانىغا ئېلىپ بارىمەنŒ دەپ يەتكۈزۈشۈمنى ئېيتتى» دېگىن. - ئاقساقاللار سېنىڭ سۆزلىرىڭنى ئاڭلايدۇ. ئاندىن كېيىن سەن ئۇلار بىلەن بىرلىكتە مىسىر پادىشاھىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا ھەممىڭلار بىر ئېغىزدىن: «پەرۋەردىگار - ئىبرانىيلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بىزگە ئايان بولدى. ئەمدى بىزنىڭ ئۈچ كۈنلۈك يولنى بېسىپ، چۆل-باياۋانغا بېرىپ، پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا قۇربانلىق قىلىشىمىزغا ئىجازەت بەرگەيسىز» دەڭلار. ماڭا مەلۇمكى، مەن مىسىر پادىشاھىنى بېسىم بىلەن مەجبۇر قىلمىغۇچە، ئۇ سىلەرگە ئىجازەت بەرمەيدۇ. شۇڭا، مەن ئۆز قۇدرىتىمنى ئىشقا سېلىپ، خەلقىئالەم ئالدىدا ھەر خىل مۆجىزىلىرىمنى كۆرسىتىش ئارقىلىق مىسىرلىقلارنى جازالايمەن. شۇنىڭ بىلەن، مىسىر پادىشاھى سىلەرنى ئۇ يەردىن چىقىرىۋېتىدۇ. سىلەر مىسىردىن چىقىدىغان ۋاقتىڭلاردا، مەن مىسىرلىقلارنى سىلەرگە مېھرىبانلىق كۆرسىتىدىغان قىلىمەن. شۇڭا، سىلەر ئۇ يەردىن چىققاندا، قۇرۇق قول چىقمايسىلەر. ئىسرائىل ئاياللارنىڭ ھەممىسى مىسىرلىق قوشنىلىرى ۋە قوشنىلىرىنىڭ مېھمانلىرىدىن ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان زىننەت بۇيۇملار ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ نەرسىلەر بىلەن بالىلىرىڭلارنى ياساندۇرىسىلەر. مانا شۇنداق قىلىپ، مىسىرلىقلارنىڭ بايلىقلىرىنى تارتىۋالغان بولىسىلەر، - دېدى. بىراق، مۇسا پەرۋەردىگارغا: - ئىسرائىللار ماڭا ئىشەنمەي، سۆزۈمگە قۇلاق سالماي، ماڭا: «پەرۋەردىگار ساڭا ئەسلا كۆرۈنمىدى» دېسە، قانداق قىلىمەن، - دېدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن: - قولۇڭدىكى نېمە؟ - دەپ سورىدى. - تاياق، - دەپ جاۋاب بەردى ئۇ. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: - تاياقنى يەرگە تاشلا، - دەپ بۇيرۇدى. مۇسا ئۇنى يەرگە تاشلىۋىدى، ئۇ يىلانغا ئايلاندى. مۇسا ئۇنىڭدىن قاچتى. پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە: - يىلاننىڭ قۇيرۇقىنى تۇت، - دەپ بۇيرۇدى. مۇسا يىلاننىڭ قۇيرۇقىنى تۇتۇۋىدى، يىلان يەنە تاياققا ئايلىنىپ كەتتى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: - مانا بۇ ئىسرائىللارنى پەرۋەردىگارنىڭ، يەنى ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ساڭا كۆرۈنگەنلىكىگە ئىشەندۈرىدۇ، - دېدى. پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە: - ئەمدى قولۇڭنى قوينۇڭغا سال، - دېدى. مۇسا قولىنى قوينىغا سېلىپ چىقىرىپ قارىۋىدى، قولىنى ماخاۋ قاپلاپ كەتكەنىدى. ئاندىن، پەرۋەردىگار: - قولۇڭنى يەنە قوينۇڭغا سال، - دېدى. مۇسا قولىنى قوينىغا سېلىپ چىقىرىۋىدى، قولى ئەسلىگە كېلىپ، بەدىنىنىڭ باشقا جايلىرىغا ئوخشاش ھالەتكە كەلگەنىدى. پەرۋەردىگار سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: - ئەگەر ئۇلار ساڭا ئىشەنمىسە ياكى دەسلەپكى مۆجىزىدىن كېيىن يەنىلا قايىل بولمىسا، كېيىنكى مۆجىزە بەلكىم ئۇلارنى قايىل قىلىدۇ. ئەگەر بۇ ئىككى مۆجىزىمۇ ئۇلارنى قايىل قىلالمىسا ۋە ئۇلارنى سۆزۈڭگە قۇلاق سالدۇرالمىسا، ئۇ چاغدا سەن نىل دەرياسىنىڭ سۈيىدىن بىرئاز ئېلىپ، قۇرۇق يەرگە تۆك. سەن شۇنداق قىلغىنىڭدا، سۇ قانغا ئايلىنىدۇ، - دېدى. لېكىن، مۇسا: - ئى ئىگەم، مېنى ئەيىبكە بۇيرۇما، مەن ئەزەلدىنلا سۆزمەن ئەمەسمەن. سەن مەن بىلەن سۆزلەشكەندىن كېيىنمۇ يەنە شۇ، مەن مانا مۇشۇنداق تىلى ئېغىر ئادەممەن، - دېدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: - ئادەمگە سۆزلەش قابىلىيىتىنى بەرگەن كىم؟ ئۇنى سۆزلىيەلەيدىغان-سۆزلىيەلمەيدىغان، ئاڭلىيالايدىغان-ئاڭلىيالمايدىغان، كۆرەلەيدىغان-كۆرەلمەيدىغان قىلغان مەن پەرۋەردىگار ئەمەسمۇ؟ سەن بېرىۋەر، مەن ساڭا سۆزمەنلىك ئاتا قىلىمەن. نېمە دېيىشىڭ كېرەكلىكىنى مەن ساڭا ئۆگىتىمەن، - دېدى. لېكىن، مۇسا جاۋابەن: - ئى ئىگەم، مەن سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي، ئۆزۈڭ ئىختىيار قىلغان باشقا بىرسىنى ئەۋەتكىن، - دېدى. بۇ سۆزنى ئاڭلىغان پەرۋەردىگار مۇساغا غەزەپلىنىپ: - سەن بىلەن بىر لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان ھارۇن ئىسىملىك بىر ئاكاڭ بارغۇ. ئۇنىڭ ناتىق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. ئۇ سېنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن ئاللىقاچان يولغا چىقتى. ئۇ سېنى كۆرسە خۇشال بولۇپ كېتىدۇ. سەن دېمەكچى بولغانلىرىڭنى ئۇنىڭغا ئېيت. مەن ساڭا ۋە ئۇنىڭغا سۆزمەنلىك ئاتا قىلىمەن. مەن ھەر ئىككىڭلارنىڭ نېمە قىلىشىڭلار كېرەكلىكىنى سىلەرگە ئۆگىتىمەن. ئۇ سېنىڭ ئاغزىڭ بولۇپ، ساڭا ۋاكالىتەن خالايىققا سۆز قىلىدۇ. سەن بولساڭ خۇددى خۇداغا ئوخشاش ئۇنىڭغا ئۇنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى ئۆگىتىسەن. بۇ تاياقنى ئېلىۋال. چۈنكى، سەن ئۇنىڭ بىلەن مۆجىزە كۆرسىتىسەن، - دېدى. شۇنىڭ بىلەن، مۇسا قېيناتىسى يېترونىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا: - مېنىڭ مىسىرغا قايتىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنىڭ تېخىچە ھايات ياكى ھايات ئەمەسلىكىنى كۆرۈشۈمگە ئىجازەت بەرگەيسىز، - دېدى. يېترو ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇپ، ئۇنىڭغا ئاق يول تىلىدى. مۇسا تېخى مىدىياندىكى ۋاقتىدا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: - سەن مىسىرغا قايتىپ كەت! چۈنكى، سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان ئادەم ئۆلدى، - دېگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن، مۇسا ئايالى ۋە بالىلىرىنى ئېشەككە مىندۈرۈپ، مىسىرغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇ خۇدا ئۇنىڭغا ئېلىۋېلىشنى بۇيرۇغان تاياقنى قولىغا ئېلىۋالدى. پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ئېسىگە سېلىپ يەنە مۇنداق دېدى: - مىسىرغا قايتىپ بارغىنىڭدىن كېيىن، مىسىر پادىشاھىنىڭ ئالدىدا مەن سېنى قادىر قىلغان ھەر خىل مۆجىزىلەرنى چوقۇم كۆرسەتكىن. لېكىن، مەن ئۇنى خەلقىڭنى قويۇپ بەرمەيدىغان جاھىل قىلىمەن. ئۇ چاغدا، سەن مىسىر پادىشاھىغا: «پەرۋەردىگار: ˜ئىسرائىل خەلقى مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇم. ئوغلۇمنى ماڭا ئىبادەت قىلىشقا بېرىشتىن توسما. رەت قىلىدىغان بولساڭ، سېنىڭ تۇنجى ئوغلۇڭنى ئۆلتۈرىمەنŒ دەيدۇ» دېگىن. مۇسا مىسىرغا قايتىش يولىدىكى بىر قونالغۇدا پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يولۇقۇپ، ئۇنىڭ جېنىنى ئالماقچى بولدى. شۇڭا، مۇسانىڭ ئايالى زىپورە بىر پارچە ئۆتكۈر قىرلىق تاشنى قولىغا ئېلىپ، ئوغلىنىڭ خەتنىلىكىنى كېسىپ، ئۇنى مۇسانىڭ پۇتلىرىغا تەگكۈزۈپ: - سەن ھەقىقەتەن تۆكۈلگەن قان ئارقىلىق قۇتۇلدۇرۇلغان ئېرىمسەن، - دېدى. (زىپورە ئوغلىنى خەتنە قىلغانلىقتىن مۇسانى «تۆكۈلگەن قان ئارقىلىق قۇتۇلدۇرۇلغان ئېرىم» دېدى.) شۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگار مۇسانى ئامان قالدۇردى. شۇ ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگار ھارۇنغا: - سەن چۆل-باياۋانغا بېرىپ، مۇسانى كۈتۈۋال، - دېگەنىدى. ھارۇن يول يۈرۈپ خۇدانىڭ تېغىغا يەتكەندە، مۇسا بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئۇنى سۆيدى. مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىگە ئېيتقان ھەممە سۆزلىرى ۋە مىسىردا كۆرسىتىشكە بۇيرۇغان بارلىق مۆجىزىلەر ھەققىدە ھارۇنغا سۆزلەپ بەردى. شۇنداق قىلىپ، مۇسا بىلەن ھارۇن ئىككىيلەن مىسىرغا بېرىپ، ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنىڭ ھەممىسىنى يىغدى. ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىنى ئۇلارغا يەتكۈزدى ھەم كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا مۆجىزىلەرنى كۆرسەتتى. ئاقساقاللار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەندى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزلىرىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى ۋە زۇلۇم ئىچىدىكى ھاياتىغا نەزەر سالغانلىقىنى ئاڭلىغان ھامان، باشلىرىنى ئېگىپ خۇداغا سەجدە قىلىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن، مۇسا بىلەن ھارۇن مىسىر پادىشاھى بىلەن كۆرۈشۈپ: - پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا سىزگە: «خەلقىمنىڭ مەن ئۈچۈن ھېيت ئۆتكۈزگىلى چۆل-باياۋانغا بېرىشىغا يول قوي» دەيدۇ، - دېدى. مىسىر پادىشاھى ئۇلارغا: - مېنى سۆزىگە ئىتائەت قىلدۇرۇپ، ئىسرائىل خەلقىنى قويۇپ بەرگۈزگۈدەك قانداق پەرۋەردىگار ئىكەن ئۇ؟ مەن پەرۋەردىگارنى تونۇمايمەن. ئىسرائىللارنىمۇ قويۇپ بەرمەيمەن، - دېدى. مۇسا بىلەن ھارۇن: - ئىبرانىيلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بىزگە ئايان بولدى. ئەمدى بىزنىڭ ئۈچ كۈنلۈك يول بېسىپ، چۆل-باياۋانغا بېرىپ، پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا قۇربانلىق قىلىشىمىزغا ئىجازەت بەرسىڭىز. بولمىسا، ئۇ بىزنى كېسەللىك ۋە ئۇرۇش بىلەن ھالاك قىلىشى مۇمكىن، - دېدى. مىسىر پادىشاھى مۇسا بىلەن ھارۇنغا: - بۇ نېمە دېگىنىڭلار! خەلقنىڭ ئىشىغا دەخلى يەتكۈزگىنىڭلار نېمىسى؟ بېرىپ ئىشىڭلارنى قىلىڭلار! ئىسرائىللارنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ. سىلەر ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتىسىلەر، - دېدى. پادىشاھ شۇ كۈنىلا مىسىرلىق ئەمگەك نازارەتچىلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى ئىسرائىل ئىش باشچىلىرىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ: - بۇندىن كېيىن، ئىسرائىللارغا كېسەك قۇيۇشقا بۇرۇنقىدەك سامان يىغىپ بەرمەڭلار! ساماننى ئۆزلىرى يىغسۇن. لېكىن، ئۇلار كېسەك سانىنى بۇرۇنقىدەكلا ئورۇندىسۇن. بۇ ساننى كېمەيتىشىڭلارغا قەتئىي بولمايدۇ. ئۇلار ھۇرۇن، ئۇلارنىڭ: «خۇدايىمىز ئۈچۈن قۇربانلىق قىلغىلى بېرىشىمىزغا ئىجازەت بەرگەيسىز» دېيىشىنىڭ سەۋەبىمۇ دەل شۇ! ئۇلارنى تېخىمۇ ئېغىر ئىشلارغا سېلىڭلار. بۇنداق قىلساڭلار، ئۇلار تىنىم تاپماستىن ئىشلەپ، يالغان گەپلەرگە قۇلاق سېلىشقا ۋاقىتمۇ چىقىرالمايدۇ، - دېدى. مىسىرلىق ئەمگەك نازارەتچىلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى ئىسرائىل ئىش باشچىلىرى بېرىپ، ئىسرائىللارغا: - پادىشاھ بىزگە: «بۇندىن كېيىن، ئىسرائىللارغا سامان بەرمەڭلار، قەيەردە سامان بولسا، شۇ يەردىن ئۆزلىرى ئەكەلسۇن. بىراق، كېسەكنىڭ سانىدىن بىرنىمۇ كېمەيتمەڭلار» دەيدۇ، - دېدى. بۇنىڭ بىلەن، ئىسرائىللار پۈتۈن مىسىرنىڭ ھەممە جايلىرىغا بېرىپ، ئېڭىز سامىنى توپلايدىغان بولدى. ئەمگەك نازارەتچىلىرى بولسا ھەر كۈنى ئۇلارنى: «بۇرۇن سىلەرگە سامان بېرىلگەن ۋاقىتتىكىدەكلا كۆپ كېسەك قۇيىسىلەر» دەپ قىستىدى. ئەمگەك نازارەتچىلىرى مىسىرلىقلار تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ئىسرائىل ئىش باشچىلىرىنى قامچىلاپ، ئۇلارنى: - نېمىشقا تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن قۇللارغا بۇرۇنقىدەك ساندا كېسەك قۇيدۇرمىدىڭلار؟ - دەپ سورايدىغان بولدى. شۇڭا، بۇ ئىش باشچىلىرى مىسىر پادىشاھىنىڭ ئالدىغا بېرىپ: - جانابى ئالىيلىرى، قۇللىرىغا نېمىشقا مۇنداق مۇئامىلە قىلىدىلا؟ قۇللىرىغا سامان يەتكۈزۈپ بېرىلمەيۋاتىدۇ، لېكىن بىز يەنىلا بۇرۇنقى ساندا كېسەك قۇيۇشقا بۇيرۇلۇۋاتىمىز. ھازىر قۇللىرى تاياق يەۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇلار سىلەر مىسىرلىقلارنىڭ خاتالىقى، - دەپ نالە قىلىشتى. پادىشاھ ئۇلارغا: - ھەرقايسىڭ ھۇرۇن، ھۇرۇن نېمىلەرسەن! «پەرۋەردىگارىمىز ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىپ كېلىشكە ئىجازەت بەرگەيلا» دېيىشكەنلىرىڭنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ. دەرھال قايتىپ بېرىپ ئىشىڭنى قىلىش! ھەرقايسىڭغا بېرىلىدىغان سامان يوق. كېسەكنى يەنىلا بۇرۇنقىدەك ساندا تاپشۇرۇشىسەن، - دېدى. كېسەك سانىنىڭ كېمەيتىلمەيدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىسرائىل ئىش باشچىلىرى بېشىغا چوڭ بالا-قازانىڭ كەلگەنلىكىنى بىلىشتى. ئۇلار پادىشاھنىڭ يېنىدىن چىقىپ، تاشقىرىدا ئۆزلىرىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان مۇسا بىلەن ھارۇنغا: - سىلەرنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىڭلارغا پەرۋەردىگار گۇۋاھ. ئۇ سىلەرنىڭ ئەدىبىڭلارنى بەرسۇن. سىلەر بىزنى پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىدا يەر بىلەن يەكسان قىلدىڭلار. ئۇلارغا بىزنى ئۆلتۈرۈشكە باھانە تېپىپ بەردىڭلار، - دېدى. بۇنىڭ بىلەن، مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا بېرىپ: - ئى ئىگەم، ئۆز خەلقىڭنى نېمىشقا بۇنداق خورلايسەن؟ مېنى بۇ يەرگە نېمىشقا ئەۋەتتىڭ؟ مەن پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ سېنىڭ سۆزلىرىڭنى يەتكۈزگەندىن بېرى، ئۇ خەلقىڭگە تېخىمۇ زۇلۇم سالىدىغان بولدى. ئەمما، سەن ئۇلارنى ھەرگىز قۇتقۇزمىدىڭ! - دېدى. پەرۋەردىگار مۇساغا: - ئەمدى سەن مېنىڭ پادىشاھقا قىلىدىغانلىرىمنى كۆرىسەن. ئۇ مېنىڭ زور قۇدرىتىمنىڭ تەسىرى بىلەن ئىسرائىللارنى قويۇپ بېرىدۇ، ھەتتا ئۇلارنى زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىدۇ، - دېدى. خۇدا مۇساغا مۇنداق دېدى: - مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. مەن بۇرۇن ئەجدادلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا ھەممىگە قادىر خۇدا بولۇپ كۆرۈندۈم. لېكىن، مەن ئۆزۈمنى ئۇلارغا «مەڭگۈ بار بولغۇچى» دېگەن نامىم ئارقىلىق ئاشكارىلىمىدىم. مەن ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزۈپ، ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان قانان زېمىنىنى ئۇلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغانىدىم. ھازىر مەن ئىسرائىللارنىڭ مىسىرلىقلارنىڭ زۇلمىدىن قىلغان داد-پەريادلىرىنى ئاڭلاپ، ئۆز ئەھدەمنى ئېسىمگە ئالدىم. شۇڭا، سەن بېرىپ، ئىسرائىللارغا مۇنۇ سۆزلىرىمنى يەتكۈز: «مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. مەن سىلەرنى مىسىرلىقلارنىڭ ئېغىر ئەمگەكلىرىدىن ئازاد قىلىمەن، سىلەرنى قۇللۇقتىن ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرىمەن. مەن زور قۇدرىتىمنى كۆرسىتىپ سىلەرنى قۇتقۇزىمەن، مىسىرلىقلارنى قاتتىق جازالايمەن. سىلەرنى ئۆز خەلقىم قىلىمەن. مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن. مىسىرلىقلارنىڭ قۇللۇقىدىن قۇتۇلغان ۋاقتىڭلاردا، بۇ ئىشنى مېنىڭ - پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇدانىڭ قىلغانلىقىنى بىلىسىلەر. مەن سىلەرنى، ئەجدادلىرىڭلاردىن ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا بېرىشكە قەسەم قىلغان زېمىنغا ئېلىپ بارىمەن. ئۇ يەرنى سىلەرگە زېمىنلىققا بېرىمەن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.» مۇسا بۇ سۆزلەرنى ئىسرائىللارغا يەتكۈزدى، لېكىن ئېغىر قۇللۇق ئازابىدىن روھسىزلانغان ئىسرائىللار ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى. پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە: - سەن پادىشاھنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا ئىسرائىللارنىڭ مىسىردىن چىقىپ كېتىشىگە يول قويۇشنى ئېيتقىن، - دېدى. مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا: - سۆزۈمگە ئىسرائىللار قۇلاق سالمىغان يەردە، مىسىر پادىشاھى قانداقمۇ قۇلاق سالسۇن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەن بىر تىلى ئېغىر ئادەم تۇرسام! - دەپ جاۋاب قايتۇردى. بىراق، پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا: - سىلەر بېرىپ، ئىسرائىللار بىلەن مىسىر پادىشاھىغا: «خۇدا بىزگە: ˜ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىڭلارŒ دەپ ئەمر قىلدى» دەڭلار، - دەپ بۇيرۇدى. تۆۋەندىكىلەر بىر قىسىم ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ ئائىلە باشلىقلىرى. ياقۇپنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبېننىڭ ئوغۇللىرى: ھانۇخ، پاللۇ، ھېسرون ۋە كارمى. ئۇلاردىن رۇبېن قەبىلىسىنىڭ تارماق جەمەتلىرى مەيدانغا كەلدى. شىموننىڭ ئوغۇللىرى: يېمۇئىل، يامىن، ئوھاد، ياكىن، سوخار ۋە قانانلىق ئايالىدىن بولغان شائۇل. ئۇلاردىن شىمون قەبىلىسىنىڭ تارماق جەمەتلىرى مەيدانغا كەلدى. لاۋىينىڭ گەرشون، كوھات ۋە مەرارى ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بولۇپ، ئۇلار لاۋىي قەبىلىسىدىكى تارماق جەمەتلەرنىڭ ئاتىلىرى ئىدى. لاۋىي بىر يۈز ئوتتۇز يەتتە يىل ئۆمۈر كۆردى. گەرشوننىڭ لىبنى ۋە شىمېئى ئىسىملىك ئىككى ئوغلى بولۇپ، ئۇلاردىن لاۋىي قەبىلىسىنىڭ تارماق جەمەتلىرى بارلىققا كەلدى. كوھاتنىڭ ئامرام، يىسخار، ھىبرون ۋە ئۆززىل ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولۇپ، كوھات بىر يۈز ئوتتۇز ئۈچ يىل ئۆمۈر كۆردى. مەرارىنىڭ مەھلى ۋە مۇشى ئىسىملىك ئىككى ئوغلى بار ئىدى. يۇقىرىقىلار لاۋىي قەبىلىسىنىڭ تارماق جەمەتلىرىدۇر. ئامرام ئۆز ھاممىسى يوكەبەدنى ئەمرىگە ئالغانىدى. ئۇ ھارۇن بىلەن مۇسانى تۇغدى. ئامرام بىر يۈز ئوتتۇز يەتتە يىل ئۆمۈر كۆردى. يىسخارنىڭ كوراھ، نەفەگ ۋە زىيكرى ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بار ئىدى. ئۆززىلنىڭ مىشائىل، ئەلسافان ۋە سىترى ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بار ئىدى. ھارۇن ناھشوننىڭ سىڭلىسى، ئاممىنادابنىڭ قىزى ئەلىشەبانى ئەمرىگە ئالدى. ئەلىشەبا ھارۇنغا ناداب، ئابىھۇ، ئەلىئازار ۋە ئىتامار ئىسىملىك تۆت ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. كوراھتىن ئاسسىر، ئەلقانا، ئابىئاساف ئىسىملىك ئۈچ ئوغۇل تۆرەلدى. ئۇلار كوراھ قەبىلىسىدىكى تارماق جەمەتلەرنىڭ ئاتىلىرى بولدى. ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازار پۇتەلنىڭ قىزلىرىدىن بىرنى ئەمرىگە ئالدى. ئۇ پىنىھاسنى تۇغدى. مانا بۇلار لاۋىي قەبىلىسىنىڭ ئائىلە باشلىقلىرى. پەرۋەردىگار تەرىپىدىن «ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنى توپ-توپى بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىقىڭلار» دەپ ئەمر قىلىنغانلار دەل مۇشۇ ھارۇن بىلەن مۇسا ئىدى. مىسىر پادىشاھىدىن ئىسرائىللارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلارمۇ مانا مۇشۇ مۇسا بىلەن ھارۇندۇر. پەرۋەردىگار مىسىردا مۇساغا سۆزلىگەن ۋاقىتتا، ئۇنىڭغا: - مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. ساڭا قىلغان سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسىنى مىسىر پادىشاھىغا يەتكۈزگىن، - دېگەنىدى. لېكىن، مۇسا: - مەن يا سۆزمەن بولمىسام، پادىشاھ مېنىڭ سۆزۈمگە قانداقمۇ قۇلاق سالسۇن؟ - دەپ جاۋاب بەرگەنىدى. ئۇ ۋاقىتتا، پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېگەنىدى: - مەن سېنى پادىشاھ ئالدىدا خۇددى خۇدادەك قىلىمەن. ئاكاڭ ھارۇن بولسا سېنىڭ پەيغەمبىرىڭ بولۇپ، سۆزلىرىڭنى پادىشاھقا يەتكۈزىدۇ. مەن ساڭا تاپىلىغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ھارۇنغا يەتكۈز. ھارۇن بولسا پادىشاھقا ئىسرائىللارنى ئۇنىڭ مەملىكىتىدىن چىقىپ كېتىشكە يول قويۇشنى ئېيتسۇن. لېكىن، مەن پادىشاھنى جاھىللاشتۇرىمەن. بۇنىڭ بىلەن، مەن مۆجىزە ۋە كارامەتلىرىمنى مىسىردا كۆپلەپ كۆرسىتەلەيمەن. شۇنداقتىمۇ، ئۇ يەنىلا سۆزۈڭنى ئاڭلىمايدۇ. شۇڭا، مەن قۇدرىتىمنى كۆرسىتىپ، مىسىرلىقلارغا ئېغىر جازالارنى بېرىمەن ۋە ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنى توپ-توپى بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىقىمەن. مەن قۇدرىتىمنى كۆرسىتىپ ئۇلارنى جازالاپ، ئىسرائىللارنى ئۇلارنىڭ يۇرتىدىن ئېلىپ چىققان ۋاقتىمدىلا، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ. پەرۋەردىگار ئۇلارغا قانداق ئەمر قىلغان بولسا، مۇسا بىلەن ھارۇن دەل شۇنداق ئىش كۆردى. ئۇلار پادىشاھقا سۆزلىگەن ۋاقتىدا، مۇسا سەكسەن ياش، ھارۇن بولسا سەكسەن ئۈچ ياشتا ئىدى. پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا: - پادىشاھ سىلەرگە: «ئۆزۈڭلارنىڭ خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلىكىڭلارنى بىر مۆجىزە ئارقىلىق ئىسپاتلاڭلار» دەيدۇ. ئۇ چاغدا سەن مۇسا، ھارۇنغا: «تايىقىڭنى پادىشاھنىڭ ئالدىغا تاشلا» دېگىن. تاياق يىلانغا ئايلىنىدۇ، - دېدى. مۇسا بىلەن ھارۇن پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئىش كۆردى. ھارۇن تايىقىنى پادىشاھ بىلەن ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىغا تاشلىۋىدى، تاياق يىلانغا ئايلاندى. پادىشاھ دەرھال ئۆزىنىڭ ئالىملىرىنى ۋە سېھىرگەرلىرىنى يىغدى. ئۇلار سېھىر ئىشلىتىپ، شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشنى قىلدى. ئۇلارنىڭ ھەربىرى قولىدىكى تاياقنى يەرگە تاشلىۋىدى، ئۇلارمۇ يىلانغا ئايلىنىپ كەتتى. لېكىن، ھارۇننىڭ يىلىنى ئۇلارنىڭ يىلانلىرىنى يۇتۇۋەتتى. ئەمما، پادىشاھ دەل پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك جاھىللىق قىلىپ، مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىدى. پەرۋەردىگار مۇساغا: - مىسىر پادىشاھى تولىمۇ جاھىل. ئۇ ئىسرائىل خەلقىنى قويۇپ بېرىشنى خالىمايدۇ. ئەتە ئەتىگەندە، ئۇ نىل دەرياسىغا بارىدۇ. سەن دەريا بويىدا كۈتۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈش. يىلانغا ئايلانغان ھېلىقى تايىقىڭنى قولۇڭغا ئېلىۋال. سەن ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن: «پەرۋەردىگار - ئىبرانىيلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا مېنى سىزگە: ˜ئۆز خەلقىمنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن چۆل-باياۋانغا بېرىشىغا يول قويŒ دېيىشكە ئەۋەتتى. سىز باشتىن-ئاخىر قۇلاق سالماي كەلدىڭىز. شۇڭا، پەرۋەردىگار: ˜سەن ئەمدى مېنىڭ قىلغان ئىشلىرىمدىن مېنىڭ كىم ئىكەنلىكىمنى بىلىۋالŒ دەيدۇ. قاراڭ، مەن قولۇمدىكى تاياقنى دەريادىكى سۇغا ئۇرسام، سۇ قانغا ئايلىنىدۇ. بېلىقلار تامامەن ئۆلىدۇ. دەريا سېسىپ كېتىدۇ. مىسىرلىقلار دەريا سۈيىدىن سەسكىنىپ، ئۇنى ئىچەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.» - دېدى. پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە: - سەن ھارۇنغا: «تايىقىڭنى ئال. قولۇڭنى مىسىردىكى ھەرقايسى دەريا، ئۆستەڭ، سازلىق ۋە كۆللەرگە قارىتىپ ئۇزات. بۇ چاغدا، مىسىرنىڭ ھەممە يېرىدىكى سۇلار، ھەتتا سوغا ۋە تاش كۈپلەرنىڭ ئىچىدىكى سۇلارمۇ قانغا ئايلىنىدۇ» دېگىن، - دېدى. مۇسا بىلەن ھارۇن پەرۋەردىگار تاپىلىغان ئىشلارنى بەجا كەلتۈردى. پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىدا مۇسا تاياقنى كۆتۈرۈپ، دەريا سۈيىگە ئۇرۇۋىدى، دەريا سۈيى شۇئان قانغا ئايلاندى. دەريادىكى بېلىقلار ئۆلدى. دەريا سۈيى سېسىق پۇراپ، مىسىرلىقلار بۇ سۇنى ئىچەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. مىسىرنىڭ ھەممە يېرىنى قان قاپلىدى. بىراق، پادىشاھنىڭ سېھىرگەرلىرىمۇ سېھىر ئارقىلىق ئوخشاش ئىشنى قىلدى. نەتىجىدە، دەل پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك، پادىشاھ بۇرۇنقىدەك جاھىللىق قىلىپ، مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ سۆزىنى ئاڭلاشنى رەت قىلدى ۋە بۇرۇلۇپلا ئوردىغا كىرىپ كەتتى. ئۇ بۇ ئىشقا قىلچە ئەھمىيەت بەرمىدى. مىسىرلىقلارنىڭ ھەممىسى نىل دەرياسى سۈيىنى ئىچەلمەيدىغان بولۇپ قالغاچقا، ئىچىدىغان سۇ ئىزدەپ، دەريا ئەتراپلىرىنى كولىدى. پەرۋەردىگار دەريا سۈيىنى قانغا ئايلاندۇرۇپ، ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن، پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: - سەن يەنە مىسىر پادىشاھىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار: ˜ئۆز خەلقىمنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن چۆل-باياۋانغا بېرىشىغا يول قوي. ئەگەر يەنە رەت قىلساڭ ساڭا ئېيتىپ قويايكى، پۈتۈن دۆلىتىڭنى جازالاپ، زېمىنىڭنىڭ ھەممە يېرىنى پاقا بىلەن تولدۇرۇۋېتىمەن. نىل دەرياسى پاقىغا تولۇپ كېتىدۇ. پاقىلار دەريادىن چىقىپ ئورداڭغا، ھۇجراڭغا، ھەتتا ئورۇن-كۆرپىلىرىڭگە كىرىدۇ. ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ۋە پۇقرالىرىڭنىڭ ئۆيلىرىگە، ھەتتا ئوچاقلىرىغا، تەڭنىلىرىنىڭ ئىچىگىمۇ كىرىۋالىدۇ. سېنىڭ ئۇچاڭغا، ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ۋە پۇقرالىرىڭنىڭ ئۇچىسىغىمۇ يامىشىدۇŒ دەيدۇ» دەپ يەتكۈزگىن. پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە: - سەن ھارۇنغا: «تاياق ئالغان قولۇڭنى مىسىردىكى دەريا، ئۆستەڭ، سازلىق ۋە كۆللەرگە قارىتىپ ئۇزات. مىسىر زېمىنىنى پاقىلار بىلەن قاپلىتىۋەت» دەپ ئېيتقىن، - دېدى. بۇنىڭ بىلەن، ھارۇن قولىنى مىسىرنىڭ سۇلىرىغا قارىتىپ ئۇزىتىۋىدى، پاقىلار چىقىپ مىسىر زېمىنىنى قاپلىدى. بىراق، مىسىردىكى سېھىرگەرلەرمۇ سېھىر ئىشلىتىپ، ئوخشاش ئىشنى قىلىپ مىسىر زېمىنىغا پاقا چىقاردى. پادىشاھ مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ، مۇساغا: - پەرۋەردىگاردىن ئۇ پاقىلارنى مەندىن ۋە مىسىر خەلقىدىن يىراقلاشتۇرۇشنى تىلەپ دۇئا قىل. ئاندىن، خەلقىڭنىڭ پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن بېرىشىغا يول قويىمەن، - دېدى. مۇسا جاۋابەن: - بولىدۇ، سىز بىر ۋاقىت بەلگىلەڭ. مەن سىزگە، ئەمەلدارلىرىڭىزغا ۋە پۇقرالىرىڭىزغا دۇئا قىلاي. شۇ چاغدا، پاقىلارنىڭ ھەممىسى سىلەردىن ۋە ئۆيلىرىڭلاردىن ئايرىلىدۇ. پەقەت نىل دەرياسىدىكى پاقىلاردىن باشقا پاقىلارنىڭ ھەممىسى يوقىلىدۇ، - دېدى. پادىشاھ ئۇنىڭغا: - ئەتىلا دۇئا قىل، - دېدى. مۇسا: - سىزنىڭ دېگىنىڭىزدەك بولسۇن. بۇنىڭ بىلەن، سىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدادىن باشقا ھېچقانداق خۇدانىڭ يوقلۇقىنى بىلىڭ. پاقىلار سىزدىن، ئوردىڭىزدىن، ئەمەلدارلىرىڭىزدىن ۋە باشقا پۇقرالىرىڭىزدىن ئايرىلىدۇ. پەقەت نىل دەرياسىدىلا پاقا قالىدۇ، - دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن، مۇسا بىلەن ھارۇن مىسىر پادىشاھىنىڭ يېنىدىن چىقىشتى. مۇسا پەرۋەردىگاردىن مىسىر پادىشاھلىقىغا چۈشۈرگەن پاقىلارنى يوقىتىشنى تىلەپ، دۇئا قىلىپ يالۋۇردى. پەرۋەردىگار مۇسانىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى. ئۆي، ھويلا ۋە ئېتىزلاردىكى پاقىلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ تۈگىدى. مىسىرلىقلار پاقا ئۆلۈكلىرىنى دۆۋە-دۆۋە قىلىپ توپلىغانىدى، پۈتۈن دۆلەت سېسىقچىلىققا تولدى. بىراق دەل پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك، پاقىلارنىڭ تامامەن ئۆلگەنلىكىنى كۆرگەن پادىشاھ جاھىللىق قىلىپ، مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى. پەرۋەردىگار مۇساغا: - ھارۇنغا: «تايىقىڭنى يەردىكى توپىغا ئۇر. چاڭ-توزانلار پاشىلارغا ئايلىنىپ، پۈتۈن مىسىرنى قاپلايدۇ» دېگىن، - دېدى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىدەك قىلىشتى. ھارۇن تايىقىنى يەردىكى توپىغا ئۇرۇۋىدى، چاڭ-توزانلار پاشىلارغا ئايلىنىپ، ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ بەدىنىنى قاپلاپ كەتتى. مىسىر زېمىنىدىكى چاڭ-توزانلارنىڭ ھەممىسى پاشىغا ئايلىنىپ كەتتى. سېھىرگەرلەرمۇ ئۆز سېھىرلىرى بىلەن پاشا پەيدا قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىش ئۇلارنىڭ قولىدىن كەلمىدى. ئادەم ۋە ھايۋاناتلارنىڭ بەدىنىنى پاشا قاپلاپ كەتتى. سېھىرگەرلەر پادىشاھقا: - بۇ ئىشنى خۇدا قىلدى! - دېيىشتى. بىراق دەل پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك، پادىشاھ جاھىللىق قىلىپ، مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى. ئاندىن، پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: - ئەتە تاڭ سەھەردىلا ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، پادىشاھ دەريا بويىغا چىققاندا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈش ۋە ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار: ˜خەلقىمنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن بېرىشىغا يول قوي. سېنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويايكى، ئەگەر سەن مېنىڭ خەلقىمنى قويۇپ بەرمەيدىغان بولساڭ، ساڭا، ئەمەلدارلىرىڭ ۋە پۇقرالىرىڭغا چىۋىنلار توپى ئەۋەتىمەن. ئۆيلىرىڭلار چىۋىنگە تولىدۇ ۋە ھەممە يەرنى چىۋىن قاپلايدۇ. لېكىن، مېنىڭ خەلقىم ئىسرائىللار ياشاۋاتقان گوشەن ۋىلايىتىنىڭ ئەھۋالىنى باشقىچە قىلىمەن. ئۇ يەر چىۋىنلار توپىدىن خالىي بولىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، مېنىڭ - پەرۋەردىگارنىڭ بۇ دۆلەتتىمۇ قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن. مەن ئۆز خەلقىمنى سېنىڭ خەلقىڭدىن پەرقلەندۈرىمەن. بۇ مۆجىزە ئەتە كۆرۈلىدۇŒ دەيدۇ» دەپ يەتكۈزگىن. پەرۋەردىگار دېگىنىنى قىلدى. توپ-توپ چىۋىنلار پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە بېسىپ كىرىپ، پۈتۈن مىسىر زېمىنىنى خاراب قىلىۋەتتى. پادىشاھ مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ، ئۇلارغا: - بارساڭلار بېرىڭلار! بىراق، خۇدايىڭلارغا قىلىدىغان قۇربانلىقنى مۇشۇ دۆلەت ئىچىدە قىلىڭلار! - دېدى. لېكىن، مۇسا: - بۇنداق قىلىش توغرا بولمايدۇ. چۈنكى، پەرۋەردىگار ئۈچۈن قىلىدىغان قۇربانلىقلىرىمىز مىسىرلىقلارنى يىرگەندۈرىدۇ. ئەگەر بىز مىسىرلىقلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇلارنى يىرگەندۈرىدىغان قۇربانلىقلارنى قىلساق، ئۇلار بىزنى چالما-كېسەك قىلىدۇ! بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئەمر قىلغىنىدەك ئۈچ كۈنلۈك يولنى بېسىپ، چۆل-باياۋانغا بېرىپ، ئاندىن ئۇنىڭغا قۇربانلىق قىلىشىمىز كېرەك، - دېدى. پادىشاھ ئۇنىڭغا: - چۆل-باياۋانغا بېرىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا قۇربانلىق قىلىشىڭلارغا ئىجازەت بېرەي، لېكىن ئانچە يىراققا كەتمەڭلار. مەن ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىڭلار، - دېدى. مۇسا جاۋابەن: - مەن يېنىڭىزدىن چىقىپلا پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلاي. چىۋىنلار توپى ئەتىلا سىزدىن، ئەمەلدارلىرىڭىز ۋە پۇقرالىرىڭىزدىن ئايرىلسۇن. لېكىن، سىز بىزنى ئالداپ، پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلىشقا بېرىشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلماسلىقىڭىز كېرەك، - دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن، مۇسا مىسىر پادىشاھىنىڭ يېنىدىن چىقىپ، پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى. پەرۋەردىگار مۇسانىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، چىۋىنلار توپىنى مىسىر پادىشاھىدىن، ئەمەلدارلىرىدىن ۋە پۇقرالىرىدىن ئايرىدى. بىر تالمۇ چىۋىن قالمىدى. لېكىن، بۇ قېتىممۇ پادىشاھ يەنە جاھىللىق قىلىپ، ئىسرائىل خەلقىنىڭ چىقىشىغا يول قويمىدى. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: - سەن مىسىر پادىشاھىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار، يەنى ئىبرانىيلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا: ˜ئۆز خەلقىمنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن چۆل-باياۋانغا بېرىشىغا يول قوي. ئەگەر سەن ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلىپ يەنىلا تۇتۇپ تۇرۇۋالىدىغان بولساڭ، سېنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويايكى، چارۋا ماللىرىڭنىڭ ھەممىسىنى، يەنى ئات، تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلىرىڭنى ۋابا كېسىلىگە گىرىپتار قىلىمەن. بىراق، ئىسرائىللارنىڭ چارۋا ماللىرىنى مىسىرلىقلارنىڭكىدىن پەرقلەندۈرىمەن. ئىسرائىللارنىڭ ماللىرىدىن بىرىمۇ ئۆلمەيدۇŒ دەيدۇ» دېگىن. پەرۋەردىگار ۋاقىت بەلگىلەپ: - بۇ مۆجىزىنى ئەتىلا كۆرسىتىمەن، - دېدى. ئەتىسى، پەرۋەردىگار ئۆزى ئېيتقاندەك قىلدى. مىسىرلىقلارنىڭ چارۋا ماللىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ۋابا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ئۆلۈشكە باشلىدى. لېكىن، ئىسرائىللارنىڭ چارۋا ماللىرىنىڭ بىرىمۇ زىيانغا ئۇچرىمىدى. پادىشاھ ئادەم ئەۋەتىپ تەكشۈرتۈپ، ئىسرائىللارنىڭ ماللىرىدىن بىرىنىڭمۇ ئۆلمىگەنلىكىنى ئۇقتى. شۇنداقتىمۇ، ئۇ يەنىلا جاھىللىق قىلىپ، ئىسرائىللارنىڭ كېتىشىگە يول قويمىدى. كېيىن، پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا: - ئوچاقتىن بىر چاڭگال كۈل ئېلىۋېلىڭلار. مۇسا ئۇنى پادىشاھنىڭ ئالدىدا ھاۋاغا چاچسۇن. بۇ كۈل چاڭ-توزان بولۇپ، مىسىرنىڭ ھەممە يېرىگە تارقىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بارلىق ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ بەدەنلىرىنى يىرىڭلىق چاقا قاپلاپ كېتىدۇ، - دېدى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار قوللىرىغا ئوچاق كۈلىنى ئېلىپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا باردى. مۇسا كۈلنى ھاۋاغا چاچتى. نەتىجىدە، ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ بەدەنلىرىنى يىرىڭلىق چاقا قاپلاپ كەتتى. ھەتتا سېھىرگەرلەرمۇ مۇساغا تاقابىل تۇرالمىدى. چۈنكى، ئۇلارنىڭ بەدىنىنىمۇ باشقا مىسىرلىقلارنىڭكىگە ئوخشاش يىرىڭلىق چاقا قاپلاپ كەتكەنىدى. شۇنداقتىمۇ، پەرۋەردىگار تەرىپىدىن جاھىللاشتۇرۇلغان پادىشاھ خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئېيتقىنىدەك، مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: - ئەتە تاڭ سەھەردىلا پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار، يەنى ئىبرانىيلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا: ˜ئۆز خەلقىمنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن چۆل-باياۋانغا بېرىشىغا يول قوي. بولمىسا، بۇ قېتىم مەن سېنىڭ ۋە ئەمەلدارلىرىڭ ھەمدە پۇقرالىرىڭنىڭ ئۈستىگە ئەڭ ئېغىر بالايىئاپەتلەرنى ياغدۇرىمەن. مانا شۇ چاغدا، سەن ئالەمدە مەندىن باشقا خۇدا يوقلۇقىنى بىلىسەن. مەن قۇدرىتىمنى كۆرسىتىپ، سېنى ۋە پۇقرالىرىڭنى ۋابا كېسىلىگە دۇچار قىلىپ، سىلەرنى يەر يۈزىدىن يوق قىلالايتتىم. بىراق، مەن ئۇنداق قىلمىدىم. ئەكسىچە، مەن قۇدرىتىمنى ساڭا كۆرسىتىش ۋە نامىمنى ئالەمگە ئېلان قىلىشتەك ئالاھىدە مەقسەت بىلەن سېنى پادىشاھلىققا تىكلىدىم. لېكىن، سەن يەنىلا زوراۋانلىق قىلىپ، خەلقىمنى قويۇپ بەرمەيۋاتىسەن. شۇڭا ئەتە مۇشۇ چاغدا، مەن مىسىر تارىخىدا ئەلمىساقتىن تارتىپ كۆرۈلۈپ باقمىغان قاتتىق مۆلدۈر ياغدۇرىمەن. ھازىر سەن ئادەملىرىڭگە ئوچۇقچىلىقتىكى چارۋا ماللىرىڭ ۋە باشقا بارلىق نەرسىلىرىڭنى دالدا يەرگە ئېلىپ كىرىۋېلىشقا ئەمر قىل. چۈنكى، ئوچۇقچىلىقتا قېلىپ قالغان ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىنى مۆلدۈر ئۇرۇپ، ھالاك قىلىدۇŒ دەيدۇ» دېگىن. پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە ئىشەنگەن بىر قىسىم پادىشاھ ئەمەلدارلىرى دەرھال ئۆز قۇللىرى ۋە چارۋا ماللىرىنى دالدا يەرگە ئېلىپ كىرىۋالدى. پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىگەنلەر بولسا قۇللىرى ۋە چارۋا ماللىرىنى تاشقىرىدا قويۇۋەردى. پەرۋەردىگار مۇساغا: - سەن قولۇڭنى ئاسمانغا قارىتىپ ئۇزات! پۈتكۈل مىسىر زېمىنىدىكى ئىنسانلار، ھايۋانلار ۋە بارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۈستىگە مۆلدۈر ياغسۇن، - دېدى. مۇسا تايىقىنى ئاسمانغا قارىتىپ كۆتۈرۈۋىدى، پەرۋەردىگار چاقماق چاقتۇرۇپ، گۈلدۈرمامىلار ياڭرىتىپ، يەر يۈزىگە مۆلدۈر ياغدۇرۇۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن، چاقماق چېقىپ، يوغان-يوغان مۆلدۈرلەر تۆكۈلۈپ چۈشتى. بۇ، مىسىر تارىخىدا ھازىرغىچە يۈز بېرىپ باقمىغان ئەڭ چوڭ مۆلدۈر ئاپىتى ئىدى. مۆلدۈر مىسىر زېمىنىدىكى ئوچۇقچىلىقتا تۇرغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى، جۈملىدىن ئادەم، ھايۋان، ئېتىزدىكى زىرائەتلەر ۋە بارلىق دەل-دەرەخلەرنى ۋەيران قىلىۋەتتى. پەقەت ئىسرائىللار ياشايدىغان گوشەن ۋىلايىتىدىلا مۆلدۈر ياغمىدى. مىسىر پادىشاھى دەرھال مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ: - بۇ قېتىم مەن خاتالىق ئۆتكۈزدۈم، مەن ۋە پۇقرالىرىمدىن سەۋەنلىك ئۆتتى. پەرۋەردىگار ئادىلدۇر. پەرۋەردىگارغا مەن ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار. بىزگە بۇ ھەيۋەتلىك گۈلدۈرماما ۋە مۆلدۈرلەر يېتەر. مەن سىلەرنىڭ كېتىشىڭلارغا يول قوياي. سىلەر ئەمدى بۇ يەردە تۇرمىساڭلارمۇ بولىدۇ، - دېدى. مۇسا ئۇنىڭغا: - مەن بۇ شەھەردىن چىقىشىم بىلەنلا، قولۇمنى كۆتۈرۈپ پەرۋەردىگاردىن تىلەپ دۇئا قىلىمەن. گۈلدۈرمامىلار شۇ ھامان تىنچىيدۇ ۋە مۆلدۈرمۇ توختايدۇ. شۇ چاغدا، سىز دۇنيانىڭ پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلىسىز. لېكىن، سىز ۋە سىزنىڭ ئەمەلدارلىرىڭىزنىڭ پەرۋەردىگار خۇدادىن تېخىچە قورقمايۋاتقانلىقىڭلار ماڭا مەلۇم، - دېدى. بۇ، كەندىرلەر چېچەكلىگەن ۋە ئارپا باش تارتقان ۋاقىت بولغاچقا، مۆلدۈر ئۇلارنى خاراب قىلدى. پەقەت بۇغدايلارلا زىيانغا ئۇچرىمىدى، چۈنكى ئۇلار تېخى بىخ چىقارمىغانىدى. مۇسا پادىشاھنىڭ يېنىدىن ئايرىلىپ، شەھەردىن چىقىپ، قولىنى كۆتۈرۈپ پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى. گۈلدۈرمامىلار شۇ ھامان بېسىقىپ، مۆلدۈر يېغىشتىن توختىدى. يامغۇرمۇ تىنچىدى. گەرچە پادىشاھ بۇ ئەھۋاللارنى كۆرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنە گۇناھ سادىر قىلدى. ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى يەنىلا جاھىللىق قىلىشتى. دەل پەرۋەردىگار بۇرۇنلا مۇساغا ئېيتقاندەك، مىسىر پادىشاھى جاھىللىق قىلىپ، ئىسرائىللارنىڭ كېتىشىگە يەنىلا يول قويمىدى. شۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگار مۇساغا: - سەن مىسىر پادىشاھىنىڭ يېنىغا بار. مەن مۆجىزىلەرنى كۆرسىتىش ئارقىلىق كۈچ-قۇدرىتىمنى مىسىر خەلقى ئارىسىدا داۋاملىق نامايان قىلىش مەقسىتى بىلەن، مىسىر پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنى جاھىللاشتۇردۇم. بۇ ئارقىلىق سەنمۇ ئۆز پەرزەنتلىرىڭ ۋە نەۋرىلىرىڭگە مېنىڭ مىسىرلىقلارنى قانداق جازالىغانلىقىم ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قانداق مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەنلىكىمنى سۆزلەپ بېرەلەيسەن. بۇنىڭ بىلەن، مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلەلەيسىلەر، - دېدى. شۇنداق قىلىپ، مۇسا ۋە ھارۇن مىسىر پادىشاھىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: - پەرۋەردىگار، يەنى ئىبرانىيلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا: «سەن مېنىڭ ئالدىمدا زادى قاچانغىچە ھاكاۋۇرلۇق قىلىسەن؟ خەلقىمنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشقا بېرىشىغا يول قوي! ئەگەر يول قويمايدىغان بولساڭ، سېنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويايكى، مەن ئەتە سېنىڭ زېمىن تەۋەلىكىڭدە چېكەتكە پەيدا قىلىمەن. چېكەتكىلەر توپى زېمىنىڭنى قاپلايدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپلۈكىدىن يەر-يۈزىنىمۇ كۆرەلمەي قالىسەن. مۆلدۈردىن ئامان قالغانلارنى، ھەتتا دالادىكى دەل-دەرەخلەرنىمۇ چېكەتكە يەپ تۈگىتىدۇ. ئۇلار سېنىڭ ئورداڭنى، ئەمەلدارلىرىڭ ۋە پۇقرالىرىڭنىڭ ئۆيلىرىنىمۇ تولدۇرىدۇ. بۇنداق قورقۇنچلۇق ئاپەتنى ئاتا-بوۋىلىرىڭمۇ كۆرۈپ باقمىغان» دەيدۇ، - دېدى ۋە دەرھال كەينىگە بۇرۇلۇپ، مىسىر پادىشاھىنىڭ ئالدىدىن چىقىپ كەتتى. پادىشاھنىڭ ئەمەلدارلىرى پادىشاھقا: - ئالىيلىرى، بۇ ئادەمنىڭ بىزگە ۋەيرانچىلىق سېلىشىغا قاچانغىچە يول قويىدىلا؟ ئىسرائىللارنىڭ پەرۋەردىگارى خۇداغا ئىبادەت قىلىشقا بېرىشىغا يول قويسىلا! مىسىرنىڭ خاراب بولغانلىقىدىن خەۋەرلىرى يوقمۇ؟ - دېدى. بۇنىڭ بىلەن، پادىشاھ مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ، ئۇلارغا: - سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇداغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن بارساڭلار بېرىڭلار. لېكىن زادى كىملەر بارماقچى؟ - دېدى. مۇسا جاۋابەن: - قېرى-ياش، بالا-چاقا ۋە قوي-كالىلىرىمىزنى ئېلىپ، ھەممىمىز بارماقچى. چۈنكى، بىز ئۇ يەردە ھېيت ئۆتكۈزۈپ، پەرۋەردىگارىمىزغا ئىبادەت قىلىپ تەنتەنە قىلىمىز، - دېدى. پادىشاھ ئۇلارغا: - ھىم! مەن سىلەرنىڭ خوتۇن، بالا-چاقىلىرىڭلارنى ئېلىپ بېرىشىڭلارغا ھەقىقەتەن يول قويۇشۇم كېرەك ئىكەن-دە!؟ سىلەرنى پەرۋەردىگارىڭلار ئۆزى ساقلىسۇن! قاراڭلار، سىلەرنىڭ نىيىتىڭلارنىڭ يامانلىقىنى! قەتئىي يول قويمايمەن! ئەگەر سىلەرنىڭ تەلەپ قىلغىنىڭلار ئىبادەت قىلىشقا بېرىش بولسا، ئۇنداقتا پەقەت ئەرلەرلا بارسۇن، - دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن، مۇسا بىلەن ھارۇن ئوردىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى. شۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگار مۇساغا: - چېكەتكىلەر توپىنى پەيدا قىلىش ئۈچۈن مىسىرنىڭ ھەممە تەرىپىگە قولۇڭنى ئۇزات! چېكەتكىلەر مىسىر تەۋەسىدە مۆلدۈردىن ئامان قېلىپ ئۆسۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى يەپ تۈگەتسۇن، - دېدى. شۇنىڭ بىلەن، مۇسا تايىقىنى مىسىرنىڭ ھەممە تەرىپىگە قارىتىپ ئۇزاتتى. پەرۋەردىگار بىر كېچە-كۈندۈز شەرق شامىلى چىقاردى. تاڭ ئاتقاندا، شامال چېكەتكىلەرنى ئېلىپ كەلدى. چېكەتكىلەر توپ-توپى بىلەن ئۇچۇپ كېلىپ، پۈتۈن مىسىر زېمىنىنىڭ ئۇ چېتىدىن بۇ چېتىگىچە ھەممە يەرگە قوندى. بۇنچە كۆپ چېكەتكە ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان بولۇپ، بۇندىن كېيىنمۇ كۆرۈلۈشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. پۈتۈن زېمىن قارىداپ كەتتى. چېكەتكىلەر مۆلدۈردىن ئامان قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى، يەنى ئۆسۈملۈكلەرنى ۋە دەل-دەرەخلەرنىڭ ئۈستىدىكى مېۋىلەرنى يەپ تۈگەتتى. پۈتۈن مىسىر تەۋەسىدىكى ئېتىزلىقلاردا ۋە دەل-دەرەخلەردە يېشىللىقتىن ئەسەرمۇ قالمىدى. شۇڭا، پادىشاھ دەرھال مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ: - سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇدا ئالدىدا ھەم سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا گۇناھكارمەن. ئەمدى يەنە بىرلا قېتىم ماڭا كەڭچىلىك قىلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن: «مىسىرلىقلارنى بۇ ئەجەللىك ئاپەتتىن قۇتقۇزغايسەن» دەپ تەلەپ قىلغايسىلەر، - دېدى. بۇنىڭ بىلەن، مۇسا پادىشاھنىڭ يېنىدىن چىقىپ، پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى. پەرۋەردىگار شەرق شامىلىنى قاتتىق غەرب بورىنىغا ئايلاندۇرۇپ، چېكەتكىلەرنى قىزىل دېڭىزغا ئۇچۇرۇپ كەتتى. مىسىر دىيارىدا بىر دانىمۇ چېكەتكە قالمىدى. لېكىن، پەرۋەردىگار پادىشاھنى يەنىلا جاھىل قىلغاچقا، ئۇ ئىسرائىللارنىڭ چېگرىدىن چىقىپ كېتىشىگە يەنىلا يول قويمىدى. ئاندىن، پەرۋەردىگار مۇساغا: - سەن قولۇڭنى ئاسمانغا كۆتۈر! پۈتۈن مىسىرنى زۇلمەت قاراڭغۇلۇق قاپلايدۇ، - دېدى. مۇسا قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈۋىدى، پۈتۈن مەملىكەتنى ئۈچ كۈن زۇلمەت قاراڭغۇلۇق باستى. بۇ چاغدا، مىسىرلىقلار بىر-بىرىنى كۆرەلمىدى، ئۆيىدىنمۇ تالاغا چىقالمىدى. لېكىن، ئىسرائىللار ياشايدىغان يەرلەر بولسا يورۇق تۇردى. پادىشاھ مۇسانى چاقىرتىپ: - سىلەر بېرىپ پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادىتىڭلارنى قىلىڭلار. ھەتتا خوتۇن، بالا-چاقىلىرىڭلارنىمۇ ئېلىپ بارساڭلار بولىدۇ. لېكىن كالا، قوي، ئۆچكىلىرىڭلار بۇ يەردە قېلىشى كېرەك، - دېدى. مۇسا جاۋابەن: - ياق! سىز چوقۇم بىزنىڭ قۇربانلىق ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىقىغا ئىشلىتىدىغان ماللىرىمىزنى ئېلىپ بېرىشىمىزغا ئىجازەت بېرىشىڭىز لازىم. بىز چارۋا ماللىرىمىزنى ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك، ھەتتا بىرەر تۇياقنىمۇ بۇ يەردە قالدۇرمايمىز. بىز پەرۋەردىگارغا ئاتايدىغان قۇربانلىقنى ئۆز ماللىرىمىز ئىچىدىن تاللىشىمىز كېرەك. ئۇ يەرگە بارمىغۇچە، پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا قايسى مالنى قۇربانلىق قىلىشنى بىلمەيمىز، - دېدى. پەرۋەردىگار مىسىر پادىشاھىنى جاھىللاشتۇرغاچقا، ئۇ ئىسرائىللارنى يەنىلا قويۇپ بەرمىدى. پادىشاھ مۇساغا: - كۆزۈمدىن يوقال! سېنى ئىككىنچى كۆزۈم كۆرمىسۇن. يەنە كۆرۈنگۈچى بولساڭ، جېنىڭنى ئالىمەن! - دېدى. مۇسا ئۇنىڭغا: - ئېيتقىنىڭىز كەلسۇن. مەنمۇ سىزنى ئىككىنچى كۆرمەيمەن، - دېدى. پەرۋەردىگار بۇرۇن مۇساغا مۇنداق دېگەنىدى: - مەن مىسىر پادىشاھىغا ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرىغا ئەڭ ئاخىرقى ئاپەتنى چۈشۈرىمەن. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ سىلەرنى جەزمەن قويۇپ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇ سىلەردىن تەلتۆكۈس قۇتۇلۇش ئۈچۈن، سىلەرنى ئۇ يەردىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. ئەمدى، سەن بېرىپ ئىسرائىللارغا ئېيتقىن. ئۇلار مىسىرلىق قوشنىلىرىنىڭكىگە كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش زىننەت بۇيۇملىرىنى سوراپ ئالسۇن. (پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنى ئىسرائىللارنى يېقىن كۆرىدىغان قىلغانىدى. پادىشاھنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە پۇقرالىرىنى مۇسانى ئۇلۇغ ئادەم، دەپ ھۆرمەتلەيدىغان قىلغانىدى.) شۇنىڭ بىلەن، مۇسا مىسىر پادىشاھىغا: - پەرۋەردىگار: «بۈگۈن تۈن يېرىمىدا، مەن مىسىرنىڭ ھەممە يېرىنى كېزىمەن. شۇ ۋاقىتتا، تەختتە ئولتۇرغان پادىشاھنىڭ تۇنجىسىدىن تارتىپ تاكى ئەڭ ئەرزىمەس دېدەكنىڭ تۇنجىسىغىچە بولغان مىسىرلىقلارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى، شۇنداقلا تۇنجى تۇغۇلغان ماللارمۇ ئۆلىدۇ. شۇ چاغدا، پۈتۈن مىسىردا ئەلمىساقتىن كۆرۈلمىگەن ۋە بۇندىن كېيىنمۇ كۆرۈلمەيدىغان قاتتىق يىغا-زار بولىدۇ. لېكىن، ئىسرائىللارغا ياكى ئۇلارنىڭ مال-ۋارانلىرىغا ھەتتا ئىتمۇ قاۋاپ قويمايدۇ» دەيدۇ. ئەنە شۇ چاغدا، سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ مىسىرلىقلار بىلەن ئىسرائىللارنى پەرقلەندۈرىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر. ئاخىردا، ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ھەممىسى ئالدىمغا كېلىپ ئېگىلىپ، مېنىڭ خەلقىم ئىسرائىللارنى بۇ يەردىن ئېلىپ كېتىشىمنى تەلەپ قىلىدۇ. مانا شۇ چاغدا، مەن بۇ يەردىن ئايرىلىمەن، - دېدى. ئاندىن، مىسىر پادىشاھىنىڭ ئالدىدىن دەرغەزەپ بىلەن چىقىپ كەتتى. پەرۋەردىگار مۇساغا: «مىسىر پادىشاھى سېنىڭ سۆزۈڭنى داۋاملىق رەت قىلىۋېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، مەن مىسىردا تېخىمۇ كۆپ مۆجىزىلەرنى كۆرسىتەلەيمەن» دېگەنىدى. مۇسا بىلەن ھارۇن پادىشاھ ئالدىدا مانا شۇنداق نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن پەرۋەردىگار پادىشاھنى جاھىللاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئىسرائىللارنىڭ چېگرىدىن چىقىپ كېتىشىگە يول قويمىغانىدى. پەرۋەردىگار مىسىردا مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دېدى: - ھازىردىن تارتىپ، بۇ ئاي سىلەر ئىسرائىل خەلقى ئۈچۈن يىلنىڭ بىرىنچى ئېيى بولسۇن. سىلەر مېنىڭ مۇنۇ يوليورۇقلىرىمنى پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە ئۆگىتىڭلار: مۇشۇ ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى ھەربىر ئائىلىنىڭ ئائىلە باشلىقى ئۆز ئائىلىسى ئۈچۈن خۇداغا قۇربانلىق قىلىشقا بىر قوي ياكى ئۆچكە تەييارلىسۇن. ئەگەر ئائىلىسىدە ئادەم ئاز بولۇپ، بىر مالنى يەپ بولالمىسا، ئۇنى قوشنىسى بىلەن بىرلىشىپ قۇربانلىق قىلىپ، گۆشىنى ئادەم سانى ۋە ئىستېمال مىقدارىغا قاراپ تەقسىم قىلسىمۇ بولىدۇ. لېكىن، قۇربانلىققا ئىشلىتىلىدىغان مال بىر ياشلىق ئەيىبسىز قوچقار ياكى تېكە بولۇشى كېرەك. پۈتۈن ئىسرائىل ئائىلىلىرى تاللانغان مالنى مۇشۇ ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنىگىچە ياخشى ساقلاپ، شۇ كۈنى كەچتە سويسۇن. ئاندىن، ئۇنىڭ قېنىدىن بىرئاز ئېلىپ، مال يېيىلگەن ئۆينىڭ ئىشىكىنىڭ بېشى ۋە كېشىكىگە سۈركەپ قويسۇن. شۇ كېچىسى گۆشنى كاۋاپ قىلىپ، ئاچچىق-چۈچۈك كۆكتات ۋە پېتىر نان بىلەن يېسۇن. گۆشنى خام پېتى ياكى سۇدا پىشۇرۇپ يېمەي، پۈتۈن مالنى بېشىدىن تۇيىقىغىچە ئىچ باغرى بىلەن قوشۇپ كاۋاپ قىلىپ يېسۇن. ئېشىپ قالغىنىنى ئەتىسىگە قالدۇرماي، شۇ كېچىلا كۆيدۈرۈۋەتسۇن. گۆشنى يېگەن ۋاقتىڭلاردا، خۇددى سەپەرگە تەييارلانغاندەك بېلىڭلارنى چىڭ باغلاپ، چورۇقۇڭلارنى كىيىپ، قولۇڭلارغا ھاساڭلارنى تۇتۇپ چاپسان يەڭلار. بۇ، پەرۋەردىگار ئۆتۈپ كېتىدىغان كېچىدۇر. ئۇ كېچىسى، مەن پۈتۈن مىسىرنى كېزىپ، مەيلى ئادەم ياكى مالنىڭ بولسۇن، تۇنجى ئەركەكلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرىمەن. مىسىرنىڭ بارلىق ئىلاھلىرىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىمەن. چۈنكى، مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. ئىشىك كېشەكلىرىدىكى قان سىلەر تۇرىدىغان ئۆيلەرنىڭ بەلگىسى. مەن بۇ قانلارنى كۆرگىنىمدە، ئۆيلىرىڭلارغا كىرمەي ئۆتۈپ كېتىمەن. مىسىرلىقلارنى جازالىغان ۋاقتىمدا، سىلەرگە ھېچقانداق زىيان-زەخمەت يەتمەيدۇ. پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: - سىلەر بۇ كۈننى خاتىرىلەپ، ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە پەرۋەردىگار ئۈچۈن ھېيت ئۆتكۈزۈڭلار. بۇ سىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ئۆرپ-ئادىتىڭلار بولسۇن. يەتتە كۈنلۈك ھېيت مەزگىلىدە پېتىر نان يەڭلار. ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنىلا، ئۆيلىرىڭلاردىكى خېمىرتۇرۇچنى تاشلىۋېتىڭلار. چۈنكى، بۇ يەتتە كۈن ئىچىدە خېمىرتۇرۇچ ئارىلاشتۇرۇلغان ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېگەن ئادەم ئىسرائىللار قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ. ھېيتنىڭ بىرىنچى ۋە يەتتىنچى كۈنلىرى، بىر يەرگە جەم بولۇپ ئىبادەت قىلىڭلار. بۇ ئىككى كۈندە، يېمەكلىك تەييارلاشتىن باشقا ھېچقانداق ئىش قىلماڭلار. پېتىر نان ھېيتى ئۆتكۈزۈپ تۇرۇڭلار. چۈنكى، مەن مۇشۇ كۈنى سىلەرنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىڭلارنى توپ-توپى بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىقىمەن. پېتىر نان ھېيتىنى ئۆتكۈزۈش سىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ئۆرپ-ئادىتىڭلار بولسۇن. ھەر يىلى بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى كەچقۇرۇندىن باشلاپ يىگىرمە بىرىنچى كۈنى كەچقۇرۇنغىچە، پېتىر نان يەڭلار. بۇ يەتتە كۈن ئىچىدە ئۆيلىرىڭلاردا خېمىرتۇرۇچ بولمىسۇن. خېمىرتۇرۇچ ئارىلاشتۇرۇلغانلىكى ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېگەن كىشى، مەيلى بۇ يۇرتنىڭ ئادىمى ياكى ياقا يۇرتلۇق بولسۇن، مېنىڭ خەلقىم قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ. قەيەردە بولۇشۇڭلاردىن قەتئىينەزەر، خېمىرتۇرۇچ ئارىلاشتۇرۇلغان ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېمەي، پېتىر نان يەڭلار. مۇسا پۈتۈن ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - ھەربىر ئائىلە بىردىن مال تاللاپ، ئۇنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ مېلى سۈپىتىدە سويسۇن. قوللىرىغا بىر تۇتام لېپەكگۈل ئېلىپ، داستىكى قۇربانلىق قىلىنغان مالنىڭ قېنىغا چىلاپ، ئۇنى ئىشىكلىرىنىڭ بېشى ۋە كېشىكىگە سۈركىسۇن. ئەتىسى ئەتىگەنگىچە، ھېچكىم ئىشىكتىن چىقمىسۇن. چۈنكى، پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن بۇ زېمىننى كېزىدۇ. ئۇ ئىشىك بېشى ۋە كېشىكىدىكى قاننى كۆرگىنىدە، خاراب قىلغۇچى پەرىشتىنىڭ ئۆيلىرىڭلارغا كىرىپ سىلەرنى ئۆلتۈرۈشىگە يول قويمايدۇ. سىلەر ۋە ئەۋلادلىرىڭلار بۇ قائىدىگە مەڭگۈ ئەمەل قىلىڭلار. بۇ سىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ئۆرپ-ئادىتىڭلار بولسۇن. سىلەر پەرۋەردىگار بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا بارغىنىڭلاردىمۇ، بۇ ھېيت مۇراسىمىغا ئەمەل قىلىڭلار. ئەگەر پەرزەنتلىرىڭلار سىلەردىن: «بۇ قانداق مۇراسىم؟» دەپ سورىسا، سىلەر: «بۇ ئۆتۈپ كېتىش كۈنىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ قىلىنغان قۇربانلىق مۇراسىمىدۇر. چۈنكى، پەرۋەردىگار مىسىردا مىسىرلىقلارنىڭ جېنىنى ئالغان كېچىدە، ئۇ بىز ئىسرائىللارنىڭ ئۆيلىرىدىن ئۆتۈپ كېتىپ، ئائىلىلىرىمىزنى ساقلاپ قالغان.» دەڭلار. ئىسرائىللار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، باشلىرىنى ئېگىپ خۇداغا سەجدە قىلىشتى. ئاندىن، ئۇلار بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا بىلەن ھارۇنغا قىلغان ئەمرى بويىچە ئىش كۆردى. شۇ كۈنى يېرىم كېچىدە، پەرۋەردىگار تەختتە ئولتۇرغان پادىشاھنىڭ تۇنجىسىدىن تارتىپ تاكى ئەڭ ئەرزىمەس زىنداندىكى مەھبۇسلارنىڭ تۇنجىسىغىچە بولغان مىسىرلىقلارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ جېنىنى ئالدى، شۇنداقلا تۇنجى تۇغۇلغان ماللارنىمۇ ئۆلتۈردى. ئۇ كېچە، مىسىر پادىشاھى، ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە پۈتۈن مەملىكەت پۇقرالىرى ئورنىدىن تۇرۇپ، قاتتىق يىغا-زار قىلىشتى. چۈنكى، ئادەم ئۆلمىگەن بىرمۇ ئائىلە يوق ئىدى. ئۇ كېچە، مىسىر پادىشاھى مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ، ئۇلارغا: - دەرھال كېتىڭلار! سىلەر ھەممە ئىسرائىللارنى باشلاپ، يۇرتۇمدىن تېز چىقىپ كېتىڭلار. تەلىپىڭلار بويىچە بېرىپ پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار. كالا، قوي، ئۆچكىلىرىڭلارنىمۇ ئېلىپ كېتىڭلار. ماڭىمۇ خەيرلىك دۇئا قىلىپ قويۇڭلار، - دېدى. مىسىرلىقلار ئىسرائىللارنى ئۆز يۇرتىدىن چاپسان كېتىشكە ئالدىراتتى. ئۇلار: - سىلەر چىقىپ كەتمىسەڭلار، بىز ئۆلۈپ تۈگەيدىكەنمىز، - دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن، ئىسرائىللار پېتىر خېمىرلارنى تەڭنىلەرگە سېلىپ، كىيىم-كېچەكلىرى بىلەن يۆگەپ، مۈرىسىگە قويۇپ ئېلىپ مېڭىشتى. ئۇلار يەنە مۇسانىڭ تاپىلىغىنى بويىچە مىسىرلىقلاردىن ئالتۇن-كۈمۈش زىننەت بۇيۇملار ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى سوراپ ئېلىشتى. پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنى ئىسرائىللارنى يېقىن كۆرىدىغان قىلىپ قويغانىدى. شۇڭا، ئۇلار مىسىرلىقلاردىن نېمە سورىسا، شۇنى بەردى. شۇنداق قىلىپ، ئىسرائىللار مىسىرلىقلارنىڭ بايلىقلىرىنى ئېلىپ كەتتى. ئىسرائىللار رەمىس شەھىرىدىن سۇككوت شەھىرىگە قاراپ پىيادە يولغا چىققىنىدا، ئاياللار بىلەن بالىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، پەقەت ئەرلەرلا ئالتە يۈز مىڭ كىشى ئىدى. كۆپلىگەن يات قەبىلىلىكلەرمۇ ئۇلارغا قوشۇلۇپ، نۇرغۇن كالا-قويلىرىنى ئېلىپ بىللە مېڭىشتى. ئۇلار مىسىردىن ئېلىپ كەلگەن خېمىرلاردىن پېتىر نان قىلدى. چۈنكى، ئۇلار مىسىردىن تېز چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغاچقا، خېمىر كۆپتۈرۈپ، يېمەكلىك تەييارلىۋېلىشقا ئۈلگۈرەلمىگەنىدى. ئىسرائىللار مىسىردا جەمئىي تۆت يۈز ئوتتۇز يىل تۇردى. دەل تۆت يۈز ئوتتۇز يىل توشقان كۈنى، پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرى مىسىردىن چىقتى. شۇ كۈنى كېچىدە، پەرۋەردىگار ئۆزى ئۇلارنى مىسىردىن مۇھاپىزەت قىلىپ ئېلىپ چىققانىدى. شۇڭا، ئىسرائىللار بۇ كېچىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ھەر يىلى خاتىرىلەيدىغان بولدى. پەرۋەردىگار بۇرۇن مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دېگەنىدى: - ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرى مۇنۇلاردىن ئىبارەت: ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىق گۆشىنى يات قەبىلىلىكلەر يېمىسۇن. لېكىن، ئۆزۈڭلار سېتىۋالغان ھەم خەتنە قىلدۇرغان قۇللار يېسە بولىدۇ. ئۆيۈڭلاردا ۋاقىتلىق تۇرۇۋاتقان ياتلار ۋە چاكارلار ئۇنى يېسە بولمايدۇ. قوينىڭ گۆشى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىلماي، ئۆينىڭ ئىچىدىلا يېيىلسۇن. قوينىڭ بىر تال سۆڭىكىمۇ سۇندۇرۇلمىسۇن. پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى بۇ قائىدە-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلسۇن. ئەگەر ئاراڭلاردا ئولتۇرىدىغان يات قەبىلىلىكلەر پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلاي دەپ، بۇ ھېيتنى ئۆتكۈزۈشنى خالىسا، ئالدى بىلەن ئۆز ئائىلىسىدىكى پۈتۈن ئەرلەرنى خەتنە قىلدۇرسۇن. شۇنداق قىلغاندا، ئۇلار ئىسرائىللارغا ئوخشاش، بۇ ھېيتنى ئۆتكۈزەلەيدۇ. لېكىن، خەتنە قىلىنمىغانلار قوينىڭ گۆشىنى يېمىسۇن. مەيلى ئىسرائىللار بولسۇن، مەيلى ئىسرائىللار ئارىسىدا ئولتۇرىدىغان يات قەبىلىلىكلەر بولسۇن، ھەممىسى مانا شۇ قائىدە-تۈزۈملەرگە ئەمەل قىلىشى لازىم. ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا بىلەن ھارۇنغا بۇيرۇغان قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئەمەل قىلدى. پەرۋەردىگار مانا شۇ كۈنى ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى. پەرۋەردىگار بۇرۇن مۇساغا: - سىلەر تۇنجى ئوغلۇڭلارنى ۋە تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك مالنى ماڭا ئاتاڭلار. چۈنكى، ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرى ۋە تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك ماللىرى ماڭا مەنسۇپتۇر، - دېگەنىدى. مۇسا ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دېدى: - بۇ كۈننى ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار. چۈنكى، بۇ كۈن سىلەر قۇللۇقتا ياشىغان مىسىر زېمىنىدىن يولغا چىققان كۈن. بۇ كۈن پەرۋەردىگار زور قۇدرىتى بىلەن سىلەرنى ئۇ يەردىن ئېلىپ چىققان كۈندۇر. شۇڭا، سىلەر ھەر يىلى بۇ كۈنى خېمىرتۇرۇچ ئارىلاشتۇرۇلغان ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېمەڭلار. سىلەر مىسىردىن يولغا چىققان بۇ كۈن، زىرائەتلەر بىخ چىقارغان باش باھاردىكى بىر كۈندۇر. پەرۋەردىگار سىلەرنى قانانلار، خىتلار، ئامورلار، ھىۋىلار ۋە يەبۇسلارنىڭ زېمىنلىرىغا ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، سىلەر ھەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا بۇ كۈننى مۇبارەكلەپ ھېيت ئۆتكۈزۈڭلار. چۈنكى، سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان بۇ مۇنبەت زېمىننى پەرۋەردىگار سىلەرگە بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئەجدادلىرىڭلارغا قەسەم بەرگەن. ھېيت مەزگىلىدە، يەتتە كۈنگىچە پېتىر نان يەڭلار. يەتتىنچى كۈنى، پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئالاھىدە ئىبادەت مۇراسىمى ئۆتكۈزۈڭلار. بۇ يەتتە كۈن ئىچىدە پېتىر نان يەڭلار. ئاراڭلاردا، ھەتتا زېمىن تەۋەلىكىڭلاردىمۇ خېمىرتۇرۇچ بولمىسۇن. ھېيت كۈنلىرى، سىلەر پەرزەنتلىرىڭلارغا بۇ ھېيتنىڭ سىلەرنىڭ مىسىردىن ئايرىلغان ۋاقتىڭلاردا پەرۋەردىگار كۆرسەتكەن پۈتۈن مۆجىزىلەرنى ئەسلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈڭلار. پەرۋەردىگارنىڭ يوليورۇقلىرىنى ھەمىشە ئېغىزدىن چۈشۈرمەسلىكىڭلار ئۈچۈن، بۇ ھېيت خۇددى قولۇڭلارغا ياكى پېشانەڭلارغا چېكىپ قويۇلغان بەلگىدەك، سىلەرگە ئەسلىتىپ تۇرىدۇ. چۈنكى، پەرۋەردىگار زور قۇدرىتى بىلەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى. شۇڭا، سىلەر ھەر يىلى مەن بەلگىلىگەن مۇشۇ ۋاقىتتا بۇ ھېيتنى ئۆتكۈزۈڭلار. پەرۋەردىگار سىلەرگە ۋە سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلارغا ۋەدە قىلغىنىدەك، ئۇ سىلەرنى قانانلىقلارنىڭ زېمىنىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇ يەرنى سىلەرگە تەقدىم قىلغاندىن كېيىن، سىلەر تۇنجى تۇغۇلغاننى پەرۋەردىگارغا ئاتىشىڭلار لازىم. پۈتۈن تۇنجى ئوغۇل ۋە چارۋا ماللارنىڭ تۇنجىسى پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ بولسۇن. سىلەر تۇنجى ئەركەك تەخەينىڭ ئورنىغا قوي قۇربانلىق قىلساڭلارمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، تەخەينىڭ بوينىنى سۇندۇرۇپ قۇربانلىق قىلىڭلار. لېكىن، تۇنجى ئوغۇللىرىڭلارنى چوقۇم بەدەل بېرىپ قايتۇرۇۋېلىڭلار. كەلگۈسىدە ئوغۇللىرىڭلار: «بۇنىڭ مەنىسى نېمە؟» دەپ سورىسا، سىلەر: «پەرۋەردىگار زور قۇدرىتى بىلەن بىزنى مىسىردىكى قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققان. ئۇ چاغدا، مىسىر پادىشاھى جاھىللىق قىلىپ، بىزنى چېگرىدىن چىقارمىغانىدى. شۇڭا، پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرىنى ۋە ھايۋانلىرىنىڭ تۇنجى ئەركەك بالىلىرىنى ھالاك قىلدى. شۇ سەۋەبتىن، بىز پۈتۈن چارۋا ماللىرىمىزنىڭ تۇنجى ئەركەك بالىلىرىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىمىز. بىراق، تۇنجى ئوغۇللىرىمىزنى بەدەل بېرىپ قايتۇرۇۋالىمىز. بىزنىڭ بۇ قائىدىگە ئەمەل قىلىشىمىز خۇددى قولىمىزغا ياكى پېشانىمىزگە چېكىپ قويۇلغان بەلگە مەلۇم نەرسىنى بىزگە ئەسلىتىپ تۇرغانغا ئوخشاش، بىزنىڭمۇ پەرۋەردىگارنىڭ زور قۇدرىتى بىلەن بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققانلىقىنى ئەسلەپ تۇرۇشىمىز ئۈچۈندۇر» دەپ جاۋاب بېرىڭلار. مىسىر پادىشاھى ئىسرائىللارنى قويۇپ بەرگەن ۋاقىتتا، گەرچە ئۇلارنىڭ فىلىستىنلىكلەر زېمىنى بىلەن مېڭىشى مەنزىلگە يېقىن بولسىمۇ، خۇدا ئۇلارنى ئۇ يولغا باشلىمىدى. چۈنكى، خۇدا: «خەلقىم جەڭگە ئۇچراپ قالسا، بەلكىم پۇشايمان قىلىپ، مىسىرغا قايتىپ كېتىشى مۇمكىن» دەپ ئويلىغانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارنى يىراق يول بىلەن چۆلدىن ئۆتكۈزۈپ، قىزىل دېڭىز تەرەپكە باشلاپ ماڭدى. ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندا، قوراللىنىپ جەڭگە تەييار بولۇپ ماڭغانىدى. مۇسا يۈسۈپنىڭ جەسەت-سۆڭىكىنىمۇ ئېلىپ ماڭدى. چۈنكى، يۈسۈپ ئۆز قان-قېرىنداشلىرى بولغان ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى ئالدىدا: «خۇدا سىلەرنى چوقۇم قۇتقۇزىدۇ. شۇ چاغدا، سىلەر چوقۇم مېنىڭ جەسەت-سۆڭىكىمنى بىللە ئېلىپ كېتىڭلار» دەپ، ئۇلارنى قەسەم قىلدۇرغانىدى. ئىسرائىللار سۇككوت شەھىرىدىن چىقىپ، چۆلنىڭ بويىدىكى ئەتام دېگەن يەردە چېدىرلىرىنى تىكتى. پەرۋەردىگار كۈندۈزى بۇلۇت تۈۋرۈكى ئارقىلىق ئۇلارغا يول باشلىسا، كېچىسى ئوت تۈۋرۈكى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ يولىنى يورۇتتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار كېچە-كۈندۈز ماڭالايدىغان بولدى. پەرۋەردىگار كۈندۈزى بۇلۇت تۈۋرۈكىنى، كېچىسى ئوت تۈۋرۈكىنى خەلقتىن ئايرىۋەتمىدى. پەرۋەردىگار مۇساغا: - سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، ئۇلار كەينىگە بۇرۇلۇپ، مىگدول شەھىرى بىلەن دېڭىز ئارىلىقىدىكى پى-ھاھىروت دېگەن يەرنىڭ يېنىدا قونۇپ، چېدىرلىرىنى بائال-سەفونغا قارىتىپ دېڭىز بويىدا تىكسۇن. بۇنىڭ بىلەن، مىسىر پادىشاھى «ئىسرائىللار ئايلىنىپ يۈرۈپ، ئاخىر يولدىن ئادىشىپ، چۆلدە قامىلىپ قالدى» دەپ ئويلىسۇن. مەن ئۇنى جاھىللاشتۇرىمەن. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ سىلەرنىڭ كەينىڭلاردىن قوغلايدۇ. ئۇ چاغدا، مەن مىسىر پادىشاھى بىلەن ئۇنىڭ قوشۇنىنى يېڭىمەن-دە، ھەممە ئادەم مېنىڭ قانچىلىك ئۇلۇغلۇقۇمنى بىلىدۇ. مىسىرلىقلارمۇ مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ، - دېدى. ئىسرائىللار خۇدانىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە ئۇ يەردە چېدىرلىرىنى تىكتى. مىسىر پادىشاھى «ئىسرائىللار قېچىپ كەتتى» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئەمەلدارلىرى بىلەن بىللە قارارىنى ئۆزگەرتىپ: - بىز نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئەخمەقلىق قىلدۇق؟ بىز ئىسرائىللارنىڭ قېچىپ كېتىشىگە يول قويۇپ، نۇرغۇن قۇلدىن مەھرۇم قاپتۇق! - دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن، مىسىر پادىشاھى شاھانە جەڭ ھارۋىسىنى تەييار قىلدۇرۇپ، قوشۇنىنى باشلاپ يولغا چىقتى. مىسىردىكى بارلىق جەڭ ھارۋىلىرىدىن سىرت، ئۇ يەنە تاللانغان ئالتە يۈز جەڭ ھارۋىسىنىمۇ ئېلىپ ماڭدى. ھەربىر جەڭ ھارۋىسىنىڭ لەشكەر باشلىقى بار ئىدى. پەرۋەردىگار مىسىر پادىشاھىنى جاھىللاشتۇردى. بۇنىڭ بىلەن، پادىشاھ مىسىردىن زەپەر بىلەن چىقىپ كېتىۋاتقان ئىسرائىللارنىڭ كەينىدىن قوغلىدى. مىسىر قوشۇنى، جۈملىدىن جەڭ ھارۋىلىرى، ئاتلىق لەشكەرلەر ۋە پىيادە لەشكەرلەر ئىسرائىللارنى تاكى قىزىل دېڭىز بويىدىكى ئۇلار چېدىر قۇرغان جايغىچە توختىماي قوغلاپ باردى. ئۇ يەر پى-ھاھىروتنىڭ يېنىدا بولۇپ، بائال-سەفوننىڭ قارشى تەرىپىدە ئىدى. ئىسرائىللار مىسىر پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنىنىڭ ئۇلارنى قوغلاپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈش بىلەن ئىنتايىن قورقۇپ، پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلدى. ئۇلار مۇساغا: - بىزنى مىسىردىن بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگىنىڭىز نېمىسى؟ بىزنى چۆل-باياۋاندا ئۆلسۇن دېمەكچىمۇسىز؟ ئەجەبا، مىسىردا بىز ياتقۇدەك گۆرمۇ تېپىلماسمىدى؟ ئۆز ۋاقتىدا، بىز سىزگە: «بولدى قىلىڭ، مىسىردا قۇل بولساق بولايلى» دېمىگەنمىدۇق؟! قۇل بولۇش ھامان چۆلدە ئۆلگەندىن ياخشى ئەمەسمىدى؟! - دېيىشتى. بىراق، مۇسا ئۇلارغا: - قورقماڭلار، تەۋرەنمەڭلار! بۈگۈن سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى قانداق قۇتقۇزىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر. سىلەر بۈگۈن كۆرگەن مىسىرلىقلارنى ئىككىنچى كۆرمەيسىلەر. پەرۋەردىگار سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ. سىلەر شۈك تۇرۇڭلار، - دەپ جاۋاب قايتۇردى. پەرۋەردىگار مۇساغا: - ماڭا يېلىنما! ئىسرائىللارغا: «مېڭىڭلار» دەپ بۇيرۇغىن. ئاندىن، تايىقىڭنى دېڭىزغا قارىتىپ شىلتىغىن. شۇنداقتا، دېڭىز سۈيى ئىككىگە بۆلۈنىدۇ-دە، ئىسرائىللار قۇرۇق يەردىن مېڭىپ ئۆتەلەيدۇ. مەن مىسىرلىقلارنى جاھىللاشتۇرىمەن. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار سىلەرنىڭ ئارقىڭلاردىن قوغلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن، مەن مىسىر پادىشاھى، ئۇنىڭ لەشكەرلىرى، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىق لەشكەرلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىمەن. شۇنداق قىلىپ، ھەممە ئادەم مېنىڭ قانچىلىك ئۇلۇغلۇقۇمنى بىلىدۇ. مەن ئۇلارنى مەغلۇپ قىلغىنىمدا، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىدۇ، - دېدى. ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا يول باشلاپ مېڭىۋاتقان خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئەمدى ئۇلارنىڭ كەينىگە ئۆتتى. بۇلۇت تۈۋرۈكىمۇ كەينىگە ئۆتۈپ، مىسىرلىقلار بىلەن ئىسرائىللارنىڭ ئوتتۇرىسىغا بېرىپ توختىدى. بۇلۇت مىسىرلىقلارغا قاراڭغۇلۇق چۈشۈردى، لېكىن ئىسرائىللارنى يورۇتتى. شۇڭا، مىسىر قوشۇنى ئىسرائىللارغا كېچىچە يېقىن كېلەلمىدى. مۇسا دېڭىزغا قولىنى شىلتىدى. پەرۋەردىگار بىر كېچە قاتتىق شەرق شامىلى چىقىرىپ، دېڭىز سۈيىنى كەينىگە ياندۇردى. دېڭىز سۈيى ئىككىگە بۆلۈنۈپ، قۇرۇقلۇق پەيدا بولدى. ئىسرائىللار دېڭىز ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇقلۇقتىن مېڭىپ، دېڭىزدىن ئۆتتى. سۇلار ئېگىز تامدەك كۆتۈرۈلگەن ھالدا ئۇلارنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇراتتى. مىسىرلىقلار، جۈملىدىن پادىشاھنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىق لەشكەرلىرى ئۇلارنى قوغلاپ، دېڭىزدىكى قۇرۇق يولغا كىردى. تاڭ سۈزۈلەي دېگەندە، پەرۋەردىگار ئوت ۋە بۇلۇت تۈۋرۈكى ئىچىدىن مىسىر قوشۇنىغا قاراپ، ئۇلارنى قالايمىقان قىلىۋەتتى. ئۇلارنىڭ جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ چاقلىرى چۈشۈپ قېلىپ، ئۇلار داۋاملىق مېڭىشقا ئامالسىز قالدى. مىسىرلىقلار: - پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا ياردەم قىلىپ، بىزنى مەغلۇپ قىلدى. تېز قاچايلى! - دېيىشتى. پەرۋەردىگار مۇساغا: - دېڭىزغا قولۇڭنى ئۇزات، بۆلۈنگەن سۇ ئەسلىگە كەلسۇن. مىسىرلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى، ئاتلىق لەشكەرلىرى سۇغا غەرق بولسۇن، - دېدى. بۇ، تاڭ ئاتقان ۋاقىت بولۇپ، مۇسا قولىنى دېڭىزغا قارىتىپ شىلتىدى. بۇنىڭ بىلەن، سۇ يەنە ئەسلىگە قايتتى. مىسىرلىقلار ئىككى تەرەپتىن كېلىۋاتقان سۇنىڭ ئىچىدىن قاچتى. لېكىن، پەرۋەردىگار ئۇلارنى دېڭىزدا ھالاك قىلىۋەتتى. دېڭىز سۈيى ئەسلىگە قايتىپ، ئىسرائىللارنى قوغلىغان پۈتۈن جەڭ ھارۋىلىرى، ئاتلىق لەشكەرلەر ۋە پۈتۈن مىسىر قوشۇنلىرىنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي غەرق قىلىۋەتتى. لېكىن، ئىسرائىللار قۇرۇق جاي بىلەن دېڭىزدىن ئۆتكەندە، سۇ خۇددى ئىككى تامدەك كۆتۈرۈلۈپ، ئىككى تەرەپكە بۆلۈندى. ئىسرائىللار دېڭىز بويىدا مىسىرلىقلارنىڭ جەسەتلىرىنى كۆرگىنىدە، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزلىرىنى ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغانلىقىنى بىلدى. ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ زور قۇدرىتى بىلەن مىسىرلىقلارنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، پەرۋەردىگاردىن قورقتى ۋە ئۇنىڭغا ئىشەندى. ئۇنىڭ خىزمەتكارى بولغان مۇساغىمۇ ئىشەندى. شۇ چاغدا، مۇسا بىلەن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەپ، مۇنداق ناخشا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتىمەن، چۈنكى ئۇ شانلىق غەلىبە قۇچتى، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىقلارنى دېڭىزغا غەرق قىلدى. پەرۋەردىگار مېنىڭ قۇدرىتىم، مېنىڭ ناخشام، ئۇ مېنى قۇتۇلدۇردى. ئۇ مېنىڭ خۇدايىمدۇر، شۇڭا ماختايمەن ئۇنى، ئۇ ئاتام ئىبادەت قىلغان خۇدادۇر، شۇڭا مەدھىيىلەيمەن ئۇنى. پەرۋەردىگار جەڭچىدۇر، «مەڭگۈ بار بولغۇچى» ئۇنىڭ نامى، دېڭىزغا غەرق قىلدى ئۇ مىسىر قوشۇنىنى ھەم جەڭ ھارۋىلىرىنى، قىزىل دېڭىزغا غەرق قىلدى ئۇ ئۇلارنىڭ ئالىي لەشكەر باشلىقلىرىنى. چوڭقۇر دېڭىز يۇتتى ئۇلارنى، ئۇلار تاشتەك دېڭىزغا چۆكتى. سېنىڭ ئوڭ قولۇڭ، ئى پەرۋەردىگار، قۇدرەتتە كامال تاپتى، شۇڭا سەن، ئى پەرۋەردىگار، تارمار قىلدىڭ رەقىبىڭنى. چەكسىز ھەيۋىتىڭ يەر بىلەن يەكسان قىلدى ساڭا قارشى چىققانلارنى، قەھر-غەزىپىڭ ساماندەك ئۆرتىدى ئۇلارنى. كۈچلۈك تىنىقىڭدىن سۇلار تامدەك تىكلىنىپ، دېڭىز تېگى قۇرۇقلۇققا ئايلاندى. دۈشمەن: ˜ئۇلارنى قوغلاپ تۇتىمەنŒ دەپ جار سالدى. ˜مال-مۈلكىنى ئولجا ئېلىپ، قىلىچلاپ يوقىتىپ دەردىمنى ئالىمەنŒ دېدى. بىراق، ئۇ چاغدا سەن بوران چىقىرىپ، دېڭىزغا غەرق قىلدىڭ ئۇلارنى. ئۇلار گويا قوغۇشۇندەك، سۇنىڭ تېگىگە چۆكتى. ئى پەرۋەردىگار، ئالەمدە نەدە بولسۇن سەندەك بىر ئىلاھ؟ كىمدە بولسۇن سەندىكىدەك ھەيۋەت، ئۇلۇغ شان-شەرەپ؟ كىممۇ ساڭا ئوخشاش، كۆرسىتەلىسۇن مۆجىزە-كارامەت؟ ئوڭ قولۇڭنى سوزغانىدىڭ، زېمىن يۇتتى رەقىبىڭنى. مېھرىڭ بىلەن يېتەكلەيسەن قۇتۇلدۇرغان خەلقىڭنى، مۇقەددەس ماكانىڭغا باشلاپ كېلىسەن قۇدرىتىڭ بىلەن ئۇلارنى. بۇلارنى ئاڭلىسا تىتىرەك باسار جىمى ئالەمنى، ۋەھىمە باسار فىلىستىن خەلقىنى. ئىدومنىڭ ئەمىرلىرى قورقۇشۇپ كېتەر، موئابنىڭ باتۇرلىرىنى ھەم تىترەك باسار. قانانلىقلارمۇ ۋەھىمىگە چۈشەر، ئۇلارغا دەھشەت ۋەھىمە چۈشەر. كۆرگىنىدە، ئى پەرۋەردىگار، زور قۇدرىتىڭنى، قۇللۇقتىن قۇتقۇزغان خەلقىڭ ئۆتۈپ بولغۇچە ئۇلار ئالدىدىن، ئۇلار تېڭىرقاپ تۇرۇشۇپ قالار. باشلاپ كېلىپ ئۇلارنى ئۆز تېغىڭغا، ئۇ يەردە ئۇلارنى كۆچەت قىلىپ يېتىشتۈرەرسەن. سەن پەرۋەردىگار تاللىغان ماكاندۇر ئۇ، مۇقەددەس تۇرالغۇنى ئۇ يەردە سالارسەن. ئەبەدىلئەبەد پادىشاھ بولغايسەن، ئى پەرۋەردىگار!» مىسىرنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىق لەشكەرلىرى دېڭىزدىكى قۇرۇق يولغا كىرگەندە، پەرۋەردىگار دېڭىز سۈيىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇلارنى سۇغا غەرق قىلىۋەتكەنىدى. بىراق، ئىسرائىللار بولسا دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇق يەردىن مېڭىپ، دېڭىزدىن ئۆتۈپ كەتكەنىدى. ھارۇننىڭ ھەدىسى مەريەم پەيغەمبەر قولىغا داپ تۇتقانىدى، نۇرغۇن ئاياللارمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە داپ چېلىپ، ئۇسسۇل ئويناشتى. مەريەم خۇدانى مەدھىيىلەپ، ئۇلارغا مۇنداق ناخشا ئېيتىپ بەردى: «پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا بولغاي، چۈنكى ئۇ شانلىق غەلىبە قۇچتى. جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىقلارنى دېڭىزغا غەرق قىلدى.» كېيىن، مۇسا ئىسرائىللارنى قىزىل دېڭىزدىن باشلاپ، شۇر چۆلىگە ئېلىپ كەلدى. ئۇلار چۆلدە ئۇدا ئۈچ كۈن مېڭىپ، سۇ تاپالماي، ئاخىر ماراھقا يېتىپ كەلدى. ئۇ يەرنىڭ سۈيى ئاچچىق بولۇپ، ئىچكىلى بولمايتتى. شۇڭا، ئۇ يەر ماراھ [«ئاچچىق» دېگەن مەنىدە] دەپ ئاتالدى. خالايىق مۇسادىن: - نېمە ئىچىمىز؟ - دەپ، ئۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈردى. مۇسا پەرۋەردىگارغا يېلىنىپ تەلەپ قىلغانىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بىر شاخنى كۆرسەتتى. ئۇ شاخنى سۇغا تاشلىغانىدى، ئاچچىق سۇ ئىچكىلى بولىدىغان تاتلىق سۇغا ئايلاندى. پەرۋەردىگار ئۇلارنى سىناش ئۈچۈن، ئۇ يەردە ئۇلارغا ئۆز تەلەپ ۋە شەرتلىرىنى ئېلان قىلدى. پەرۋەردىگار: - ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگار خۇدا بولغان مېنىڭ سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ، م ېنىڭ نەزىرىمدىكى دۇرۇس ئىشلارنى قىلىپ، مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىمغا تولۇق ئەمەل قىلساڭلار، ئۇ چاغدا مەن مىسىرلىقلارغا كەلتۈرگەن كېسەللەرنى سىلەرگە كەلتۈرمەيمەن. مەن سىلەرگە شىپالىق بېرىدىغان پەرۋەردىگاردۇرمەن، - دېدى. ئاندىن كېيىن، ئۇلار ئېلىم دېگەن يەرگە يېتىپ كەلدى. ئۇ يەردە ئون ئىككى بۇلاق، يەتمىش تۈپ خورما دەرىخى بار ئىدى. شۇڭا، ئۇلار سۇ بويىدا چېدىرلىرىنى تىكتى. پۈتۈن ئىسرائىللار ئېلىم دېگەن يەردىن يۈرۈپ كەتتى. ئۇلار مىسىردىن ئايرىلىپ بىر يېرىم ئايدىن كېيىن، ئېلىم بىلەن سىناي تېغىنىڭ ئارىلىقىدىكى سىين چۆلىگە يېتىپ باردى. چۆلدە ئۇلار مۇسا بىلەن ھارۇنغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۇلارغا: - پەرۋەردىگار بىزنى مىسىردا ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولسىمۇ بولار ئىكەن. ئۇ يەردە ھېچبولمىغاندا قازاننى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، گۆش ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنى تويغۇدەك يەيتتۇق. لېكىن، سىلەر بىزنى چۆلگە ئېلىپ كېلىپ، بۇ يەردە ئاچلىقتىن ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىسىلەر، - دېيىشتى. بۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگار مۇساغا: - مەن ئاسماندىن يېمەكلىك ياغدۇرىمەن. ئىسرائىللار ھەر كۈنى چىقىپ، شۇ كۈنلۈك ئوزۇقىنى يىغىۋالسۇن. بۇ ئارقىلىق مەن ئۇلارنى سىناپ، ئۇلارنىڭ يوليورۇقلىرىمغا ئىتائەت قىلغان-قىلمىغانلىقىغا قارايمەن. ھەر ھەپتىنىڭ ئالتىنچى كۈنى كەلگەندە، ئۇلار ئىككى كۈنلۈك ئوزۇقىنى يىغىۋالسۇن، - دېدى. شۇڭا، مۇسا بىلەن ھارۇن ئىسرائىللارغا: - بۈگۈن كېچە، سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققۇچىنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر. ئەتە ئەتىگەندە، پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆرىسىلەر. رەنجىگەنلىكىڭلار ئۇنىڭ قۇلىقىغا يەتتى. سىلەرنىڭ نارازىلىقىڭلار ئۇنىڭغا قارىتىلغاندۇر. بىزگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرگۈدەك بىز كىم ئىدۇق؟ پەرۋەردىگار كەچتە سىلەرگە گۆش بېرىدۇ. ئەتىگەندە سىلەرنى تويغۇدەك نان بىلەن تەمىنلەيدۇ. چۈنكى، ئۇ سىلەرنىڭ رەنجىگەنلىكىڭلارنى ئاڭلىدى. سىلەرنىڭ بىزدىن رەنجىگىنىڭلار، ئەمەلىيەتتە پەرۋەردىگاردىن رەنجىگەنلىكىڭلاردۇر! - دېدى. ئاندىن، مۇسا ھارۇنغا: - سەن بېرىپ، پۈتۈن خالايىققا: «پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا يىغىلىڭلار، چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ نارازىلىقىڭلارنى ئاڭلىدى» دېگىن، - دېدى. ھارۇن پۈتۈن خالايىققا گەپ قىلىۋاتقان ۋاقتىدا، ئۇلار چۆللۈككە قارىۋىدى، پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىنىڭ بۇلۇتلار ئارىسىدا جەۋلان قىلىپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. شۇ چاغدا، پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: - مەن ئىسرائىللارنىڭ رەنجىگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. سەن ئۇلارغا: «خۇدا: ˜كەچقۇرۇن گۆش، ئەتىگەندە تويغۇدەك نان يەيسىلەر. بۇنىڭ بىلەن، سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەرŒ دېدى»، - دېگىن. كەچقۇرۇن، سان-ساناقسىز بۆدۈنە ئۇچۇپ كېلىپ، پۈتۈن قارارگاھنى قاپلىدى. ئەتىسى سەھەردە قارارگاھنىڭ ئەتراپىدىكى يەر يۈزىگە شەبنەم چۈشكەنىدى. شەبنەم پارلانغاندىن كېيىن، چۆللۈكنىڭ يەر يۈزىدە نېپىز بىر قەۋەت قىرودەك نەرسە كۆرۈندى. ئىسرائىللار بۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىشەلمەي، بىر-بىرىدىن: - بۇ نېمىدۇ؟ - دەپ سوراشتى. مۇسا ئۇلارغا: - بۇ بولسا پەرۋەردىگار سىلەرگە ئاتا قىلغان يېمەكلىك. پەرۋەردىگار ھەربىرىڭلارنى ئۆز ئېھتىياجىغا قاراپ، ھەربىر ئائىلە كىشى بېشىغا ئىككى قاچىدىن يىغىۋالسۇن، دەپ بۇيرۇغان، - دېدى. ئىسرائىللار خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە ئىش كۆردى. بەزىلەر كۆپرەك يىغىۋالدى، بەزىلەر ئازراق يىغىۋالدى. كۆپرەك «قىرو» يىغىۋالغانلارنىڭ ئېشىپ قالمىدى، ئاز يىغىۋالغانلارنىڭمۇ كېمىپ قالمىدى. ھەممەيلەننىڭ يىغىۋالغىنى ئۆز ئېھتىياجىغا دەلمۇدەل ئىدى. مۇسا ئۇلارغا: - يېمەكلىكنى ئىككىنچى كۈنىگە ئاشۇرۇپ قويۇشقا رۇخسەت يوق، - دېدى. لېكىن، بەزىلەر مۇسانىڭ سۆزىنى ئاڭلىماي، ئەتىسى ئەتىگەنگە بىرئاز ئاشۇرۇپ قويدى. بىراق، ئاشۇرۇپ قويۇلغان يېمەكلىكنىڭ ھەممىسى قۇرۇتلاپ سېسىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن، مۇسا ئۇلارغا خاپا بولدى. ھەممە ئادەم ھەر كۈنى ئەتىگەندىلا چىقىپ، ئۆزىگە ئېھتىياجلىق يېمەكلىك يىغىۋالاتتى. چۈنكى كۈن قىزىغان ۋاقىتتا، يېمەكلىك ئېرىپ كېتەتتى. ئالتىنچى كۈنى، ئۇلار بىر ھەسسە ئارتۇق، يەنى ھەر كىشى تۆت قاچىدىن يېمەكلىك يىغىۋالدى. خەلق ئىچىدىكى ئاقساقاللار بۇ ئىشنى مۇساغا مەلۇم قىلدى. مۇسا ئۇلارغا: - پەرۋەردىگار: «ئەتە دەم ئېلىش كۈنى. بۇ كۈن پەرۋەردىگارغا ئاتىلىشى كېرەك. بۈگۈن ئوتتا قاقلاپ ۋە سۇدا قاينىتىپ پىشۇرىدىغانلىرىڭلارنى خالىغىنىڭلارچە پىشۇرۇڭلار. ئېشىپ قالغىنىنى ئەتىگە قالدۇرۇڭلار» دەپ بۇيرۇغان، - دېدى. ئۇلار مۇسانىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە ئېشىپ قالغان يېمەكلىكلەرنى ئىككىنچى كۈنىگە قالدۇرغىنىدا، قۇرۇتلاپمۇ كەتمىدى، سېسىپمۇ قالمىدى. مۇسا ئۇلارغا: - بۈگۈن مۇشۇ يېمەكلىكلەرنى يەڭلار. چۈنكى، پەرۋەردىگارغا ئاتىلىدىغان دەم ئېلىش كۈنىدە سىلەر يەردىن ھېچقانداق يېمەكلىك تاپالمايسىلەر. سىلەر چوقۇم ئالتە كۈن ئىچىدە يېمەكلىك يىغىۋېلىڭلار، يەتتىنچى كۈنى دەم ئېلىش كۈنى بولۇپ، بۇ كۈنى ھېچ نەرسە تاپالمايسىلەر، - دېدى. يەتتىنچى كۈنى، بەزىلەر يەنىلا يېمەكلىك يىغقىلى چىققانىدى. لېكىن، ئۇلار ھېچ نەرسە تاپالمىدى. پەرۋەردىگار مۇساغا: - بۇ خەلق ھېلىغىچە مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىمنى رەت قىلىۋاتامدۇ؟ ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، مەن بولسام پەرۋەردىگاردۇرمەن. مەن سىلەرگە دەم ئېلىش كۈنى ئاتا قىلدىم. شۇ سەۋەبتىن، ئالتىنچى كۈنى سىلەرگە ئىككى كۈنلۈك يېمەكلىك بەردىم. يەتتىنچى كۈنى، ھەممە ئادەم سىرتقا چىقماي، ئۆيىدە ئولتۇرسۇن، - دېدى. شۇڭا، ئىسرائىللار يەتتىنچى كۈنى ئىش قىلماي دەم ئېلىشتى. ئىسرائىللار بۇ يېمەكلىكنى ماننا، دەپ ئاتىدى. ئۇ ئاشكۆكىنىڭ ئۇرۇقىغا ئوخشاش ئاق رەڭلىك بولۇپ، تەمى ھەسەل قوشۇلغان نانغا ئوخشايتتى. مۇسا ئۇلارغا: - پەرۋەردىگار بىزگە: «ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ مېنىڭ سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، چۆل-باياۋاندا يېمەكلىك بىلەن تەمىنلىگەنلىكىمنى بىلىشى ئۈچۈن، ماننادىن ئىككى قاچا ساقلاپ قويۇڭلار» دېگەن، - دېدى ۋە ھارۇنغا: - بىر كومزەككە ئىككى قاچا كەلگۈدەك ماننا ئېلىپ، ئەۋلادلىرىمىزغا ساقلاپ قويۇش ئۈچۈن، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا قويۇپ قويغىن، - دېدى. ۋاقتى كەلگەندە، ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا چۈشۈرگەن ئەمرى بويىچە كومزەكنى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىچىگە، پەرزلەر يېزىلغان تاش تاختىلارنىڭ ئالدىغا قويۇپ ساقلاپ قويدى. ئىسرائىللار تاكى تېرىلغۇ يېرى بار بولغان قانان زېمىنىغا بېرىپ ئولتۇراقلاشقۇچە، جەمئىي قىرىق يىل ماننا يېدى. (ئەينى زاماندا، ئۆلچەم قاچىسىنىڭ سىغىمى يىگىرمە لىتىر نەرسە پاتقۇدەك ئىدى.) ئىسرائىل خەلقى سىين چۆلىدىن چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ يوليورۇقى بىلەن قەدەممۇ قەدەم سەپەر قىلىپ، رەفىدىمدە قوندى. بىراق، ئۇ يەردە سۇ يوق ئىدى. شۇڭا، ئۇلار يەنە مۇسادىن رەنجىپ: - بىزگە ئىچكىلى سۇ بەرگەيسىز! - دېدى. مۇسا ئۇلارغا: - سىلەر نېمىشقا رەنجىيسىلەر؟ نېمىشقا پەرۋەردىگارنى سىنايسىلەر؟ - دېدى. لېكىن، خالايىق ئىنتايىن ئۇسساپ كەتكەچكە، مۇساغا داۋاملىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ: - بىزنى مىسىردىن زادى نېمىشقا ئېلىپ چىقتىڭىز؟ سىز بىزنى، بالىلىرىمىزنى ۋە چارۋا ماللىرىمىزنى ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلتۈرمەكچىمۇ؟ - دېدى. شۇنىڭ بىلەن، مۇسا پەرۋەردىگارغا يېلىنىپ: - خالايىقنى قانداق قىلاي؟ ئۇلار مېنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىدىغان يەرگە يەتتى، - دېدى. پەرۋەردىگار مۇساغا: - سەن ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىدىن بىرنەچچىسىنى ئېلىپ، خەلق ئالدىدىن ئۆت. قولۇڭغا نىل دەرياسىغا ئۇرغان تاياقنى ئېلىۋال. مەن سېنىڭ ئالدىڭدا سىناي تېغىدىكى بىر ئۇيۇل تاشنىڭ ئۈستىدە تۇرىمەن. سەن ئۇيۇل تاشنى ئۇرغىنىڭدا، سىلەرگە ئىچكىلى سۇ چىقىدۇ، - دېدى. مۇسا ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنىڭ ئالدىدا شۇنداق قىلغاندا، سۇ ئېتىلىپ چىقتى. مۇسا ئۇ يەرنى ماسسا ۋە مەرىبا [مەنىسى «سىناش ۋە رەنجىش»] دەپ ئاتىدى. چۈنكى، ئىسرائىللار ئۇ يەردە رەنجىپ، پەرۋەردىگارنى سىنىماقچى بولغانىدى. ئۇلار: «پەرۋەردىگار زادى ئارىمىزدا بارمۇ-يوق؟» دېيىشكەنىدى. ئامالەكلەر رەفىدىمگە كېلىپ، ئىسرائىللارغا ھۇجۇم قىلدى. مۇسا يەشۇغا: - سەن ئەتە ئامالەكلەر بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن ئادەم تاللىغىن. مەن بولسام قولۇمغا خۇدا ماڭا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەمر قىلغان تاياقنى تۇتۇپ تاغنىڭ چوققىسىدا تۇرىمەن، - دېدى. يەشۇ مۇسانىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە ئامالەكلەر بىلەن جەڭ قىلدى. مۇسا، ھارۇن ۋە خۇرلار تاغنىڭ چوققىسىغا چىقىپ جەڭنى كۆزەتتى. مۇسا قولىنى كۆتۈرسە، ئىسرائىللار ئۈستۈن كېلەتتى. قولىنى چۈشۈرسە، ئامالەكلەر ئۈستۈن كېلەتتى. مۇسانىڭ قوللىرى تېلىپ قالغاندا، ھارۇن بىلەن خۇر بىر تاشنى يۆتكەپ كېلىپ، مۇسانى ئۇنىڭ ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇپ، تاكى كۈن پاتقۇچە ئىككى يېنىدا مۇسانىڭ قوللىرىنى يۆلەپ تۇردى. شۇنداق قىلىپ، يەشۇ ئامالەكلەر قوشۇنىنى قىلىچلاپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى. ئاندىن، پەرۋەردىگار مۇساغا: - كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ بۈگۈنكى غەلىبىنى ئۇنتۇماسلىقى ئۈچۈن يېزىپ قالدۇرغىن. يەشۇغا ئامالەكلەرنى پۈتۈنلەي يوقىتىدىغانلىقىمنى يەتكۈزۈپ قوي، - دېدى. شۇنىڭ بىلەن، مۇسا بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئۇنىڭ نامىنى «پەرۋەردىگار تۇغۇمدۇر» دەپ ئاتىدى. ئۇ: - پەرۋەردىگارنىڭ تۇغىنى ئېگىز كۆتۈرىمەن! پەرۋەردىگار ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئامالەكلەر بىلەن جەڭ قىلغاي، - دېدى. مۇسانىڭ قېيناتىسى - مىدىيان روھانىيسى يېترو خۇدانىڭ مۇسا ۋە ئىسرائىللارغا قىلغان ياخشىلىقلىرىدىن، يەنى خۇدانىڭ ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. مۇسا بۇرۇنلا ئايالى ۋە بالىلىرىنى قېيناتىسىنىڭ يېنىغا ئەۋەتىۋەتكەنىدى. تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى گەرشوم [«ئۇ يەردە ياقا يۇرتلۇق» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] بولۇپ، مۇسا «مەن ياقا يۇرتتا مۇساپىر بولۇپ تۇرغان يات ئادەم» دەپ شۇ ئىسىمنى قويغانىدى. ئىككىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى ئېلىيەزەر [مەنىسى «خۇدا مېنىڭ ياردەمچىم»] بولۇپ، مۇسا «ئاتام ئىبادەت قىلغان خۇدا ماڭا ياردەم قىلىپ، مېنى مىسىر پادىشاھىنىڭ ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن قۇتقۇزۇپ قالدى» دەپ، شۇ ئىسىمنى قويغانىدى. يېترو مۇسانىڭ ئايالى ۋە ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ، چۆللۈككە، يەنى مۇسا قارارگاھ قىلغان مۇقەددەس تاغنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇ قارارگاھقا كىرىشتىن بۇرۇن، مۇساغا ئۆزىنىڭ قىزى ۋە ئىككى نەۋرىسىنى ئېلىپ كەلگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر يوللىغانىدى. شۇڭا، مۇسا قېيناتىسىنىڭ ئالدىغا چىقىپ، تەزىم قىلىپ سۆيۈشۈپ كۆرۈشتى. ئۇلار ئۆزئارا ئامانلىق سوراشقاندىن كېيىن، مۇسانىڭ چېدىرىغا كىردى. مۇسا ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، مىسىر پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرىغا قىلغان بارلىق ئىشلىرىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇ يەنە ئىسرائىللارنىڭ يول بويى دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرىنى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارنى قانداق قۇتقۇزغانلىقىنىمۇ سۆزلەپ بەردى. يېترو بۇلارنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشال بولدى. ئۇ: - پەرۋەردىگارغا مەدھىيىلەر ئوقۇلغاي! ئۇ سىلەرنى مىسىر پادىشاھى ۋە مىسىرلىقلارنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇپ چىقتى. ئىسرائىل خەلقىنى قۇللۇقتىن ئازاد قىلدى. مەن پەرۋەردىگارنىڭ پۈتكۈل ئىلاھلاردىن ئۇلۇغلۇقىنى ئەمدى بىلدىم. چۈنكى، مىسىرلىقلار ئىسرائىللارنى شۇ قەدەر خارلىغىنىدا، ئۇ ئۆز قۇدرىتىنى كۆرسەتتى، - دېدى. بۇنىڭ بىلەن، يېترو خۇداغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى ئاتىدى. ھارۇن ۋە ئىسرائىللارنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرى ئۇنىڭ بىلەن بىللە خۇدا ئالدىدا قۇربانلىق قىلىنغان تائاملارنى يېدى. ئەتىسى، مۇسا ئەتىگەندىن كەچكىچە خەلق ئىچىدىكى ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن مەشغۇل بولدى. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن مۇسانىڭ قېيناتىسى يېترو مۇساغا: - بۇنچىۋالا خالايىق ئەتىگەندىن كەچكىچە سېنىڭ يوليورۇق بېرىشىڭنى كۈتۈپ تۇرۇشسا، ماجىرالارنى ئۆزۈڭ يالغۇز بىر تەرەپ قىلىشىڭ قانداق گەپ؟ - دېدى. مۇسا ئۇنىڭغا: - خالايىق بۇ يەرگە كېلىپ، مەندىن خۇدانىڭ ئەمرىنى سورايدۇ ئەمەسمۇ؟! ئىككى ئادەم ئوتتۇرىسىدا ماجىرا تۇغۇلسا، ئۇلار مېنى ئىزدەيدۇ. كىمنىڭ ھەق، كىمنىڭ ناھەقلىقىنى ئايرىپ، خۇدانىڭ قانۇنى ۋە يوليورۇقلىرىنى ئۇلارغا مەن يەتكۈزىمەن، - دەپ جاۋاپ بەردى. يېترو ئۇنىڭغا: - بۇنداق قىلغىنىڭ ياخشى ئەمەس. بۇنداق كېتىۋەرسە، ئۆزۈڭنىمۇ ئەتراپىڭدىكى قېرىنداشلىرىڭنىمۇ چارچىتىپ قويىسەن. بۇنچىۋالا كۆپ يۈكنى ئۆز ئۈستۈڭگىلا ئېلىۋالساڭ، ئۆزۈڭ يالغۇز يېتىشەلمەيسەن. مەن ساڭا مەسلىھەت بېرەي، خۇدامۇ سەن بىلەن بىللە بولىدۇ. سەن داۋاملىق خەلققە ۋەكىللىك قىلىپ، خۇدا ئالدىغا بېرىپ، خەلق ئارىسىدىكى ماجىرالارنى خۇداغا مەلۇم قىل. خۇدانىڭ قانۇنى ۋە يوليورۇقلىرىنى خەلققە ئۆگىتىپ، ئۇلارغا قانداق ياشاشنى ۋە ئۇلارنىڭ قانداق بۇرچى بارلىقىنى ئۇقتۇرغىن. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە جامائەت ئىچىدىن قابىلىيەتلىك، خۇداغا ئىخلاسمەن، ئىشەنچلىك ۋە پارا يېمەيدىغان كىشىلەرنى تاللاپ، مىڭبېشى، يۈزبېشى، ئەللىكبېشى ۋە ئونبېشى قىلىپ تەيىنلىگىن. ئۇلارغا خەلق ئىچىدىكى دەۋالارنى ئۆز ۋاقتىدا سوراشنى تاپشۇرغىن. ئۇلار قىيىنراق دەۋالاردا سېنىڭ ئالدىڭغا كېلىپ، ئۇششاق-چۈششەك ماجىرالارنى ئۆزلىرى بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا، ئۇلار سېنىڭ ۋەزىپەڭنى ئورۇندىشىپ، يۈكۈڭنى يېنىكلىتىدۇ. ئەگەر سەن خۇدانىڭ يوليورۇقى بويىچە شۇنداق قىلساڭ، خەلقنىڭ دېگەن يېرىدىن چىقالايسەن. خەلقنىڭ ماجىرالىرىمۇ تېز ھەل بولىدۇ، - دېدى. مۇسا قېيناتىسىنىڭ مەسلىھىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش كۆردى. ئۇ ئىسرائىللار ئىچىدىن قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى تاللاپ، مىڭبېشى، يۈزبېشى، ئەللىكبېشى ۋە ئونبېشى قىلىپ تەيىنلىدى. ئۇلار جامائەتنىڭ دەۋا ئىشلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا سورايدىغان بولدى. ئۇششاق-چۈششەك ماجىرالارنى ئۆزلىرى بىر تەرەپ قىلىپ، قىيىنراق دەۋالاردا بولسا مۇسادىن يوليورۇق سوراشتى. كېيىن، يېترو مۇسا بىلەن خوشلىشىپ يۇرتىغا قايتتى. ئىسرائىللار مىسىردىن چىقىپ دەل ئىككى ئاي بولغان كۈنى سىناي چۆلىگە يېتىپ كېلىپ، سىناي تېغى باغرىدا چېدىر تىكتى. ئۇلار رەفىدىمدىن يولغا چىقىپ، بۇ يەرگە كەلگەنىدى. مۇسا خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا بولۇش ئۈچۈن تاغقا چىقتى. پەرۋەردىگار تاغدىن مۇساغا جاراڭلىق ئاۋازدا مۇنداق دېدى: - ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئىسرائىللارغا مۇنۇ سۆزلىرىمنى ئېيتقىن: «سىلەر مەن پەرۋەردىگارنىڭ مىسىرلىقلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىقىمنى كۆردۈڭلار. مەن خۇددى ئانا بۈركۈت بالىلىرىنى دۈمبىسىگە مىندۈرۈپ ئېلىپ يۈرگەندەك، سىلەرنى يېنىمغا ئېلىپ كەلدىم. شۇڭا، ئەگەر سىلەر ماڭا ئىتائەت قىلىپ، ئەھدەمگە ئەمەل قىلساڭلار، نۇرغۇنلىغان خەلقلەر ئارىسىدىن سىلەرنى ماڭا مەنسۇپ قىممەتلىك خەلق قىلىمەن. چۈنكى، پۈتۈن دۇنيا ماڭا تەۋە. سىلەر مېنىڭ پادىشاھلىقىمنىڭ روھانىيلىرى ۋە ماڭا ئاتالغان خەلق بولىسىلەر.» يۇقىرىقى سۆزلىرىمنى ئىسرائىللارغا يەتكۈزۈپ قويغىن. بۇنىڭ بىلەن، مۇسا تاغدىن چۈشۈپ، خەلق ئىچىدىكى ئاقساقاللارنى يىغىپ، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇيرۇغان سۆزلەرنى ئۇلارغا يەتكۈزدى. ئۇلار بىردەك: - بىز چوقۇم پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش كۆرىمىز، - دېدى. مۇسا تاغقا چىقىپ، ئۇلارنىڭ جاۋابىنى پەرۋەردىگارغا يەتكۈزدى. پەرۋەردىگار مۇساغا: - مەن قويۇق بۇلۇت ئىچىدە سېنىڭ يېنىڭغا كېلىمەن. سېنىڭ بىلەن قىلىشقان سۆھبىتىمىزنى خەلق ئاڭلاپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ھەر دائىم ساڭا ئىشىنىدۇ، - دېدى. مۇسا ئىسرائىللارنىڭ جاۋابىنى پەرۋەردىگارغا يەتكۈزگەندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: - سەن خەلقنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارنى بۈگۈن ۋە ئەتە ئۆزلىرىنى ماڭا ئاتاپ، كىيىم-كېچەكلىرىنى تازىلاشقا چاقىر. ئۆگۈنلۈككىچە ھەممە تەييارلىقنى پۈتكۈزسۇن. چۈنكى، ئۇ كۈنى مەن ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدىلا سىناي تېغىغا چۈشىمەن. بىراق، سەن تاغنىڭ ئەتراپىغا ئۆتۈشكە بولمايدىغان چېگرا بەلگىلەپ، ئۇلارغا تاغقا چىقماسلىقنى، ھەتتا تاغنىڭ باغرىغىمۇ يېقىن كەلمەسلىكنى ئېيتقىن. كىمدەكىم بۇ تاغقا بىر قەدەم باسسا، ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن. ئۇنداق ئادەملەرگە قول تەگكۈزۈلمەي، ئۇلار يا چالما-كېسەك قىلىنىپ، ياكى ئوقيا بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلسۇن. بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغانلار مەيلى ئادەم ياكى چارۋا مال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تىرىك قالدۇرۇلمىسۇن. پەقەت كاناي ئۇزاقراق چېلىنغاندىلا، ئاندىن خالايىق تاغ باغرىغا كەلسۇن، - دېدى. مۇسا تاغدىن چۈشۈپ، خەلقنىڭ پاكلىنىپ، كىيىم-كېچەكلىرىنى يۇيۇشىنى بۇيرۇدى. مۇسا ئۇلارغا: - ئۆگۈنلۈككىچە ھەممە تەييارلىقلارنى پۈتكۈزۈڭلار، ئاياللارغا يېقىنلاشماڭلار، - دېدى. ئۈچىنچى كۈنى ئەتىگەندە، ھاۋا گۈلدۈرلەپ، چاقماق چېقىپ، تاغدا بىر پارچە قويۇق بۇلۇت پەيدا بولدى. كاناينىڭ قاتتىق نەرە ئاۋازى ئاڭلاندى. قارارگاھتىكىلەر بۇنى ئاڭلاپ، قورقۇپ تىترىشىپ كەتتى. مۇسا ئۇلارنى قارارگاھتىن باشلاپ چىقىپ، خۇدانىڭ ئالدىغا ھازىر قىلدى. ئۇلار تاغنىڭ تۈۋىدە ئۆرە تۇرۇشاتتى. پۈتۈن سىناي تېغىنى ئىس-تۈتەك قاپلىدى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇ يەرگە ئوت ئىچىدە چۈشكەنىدى. بۇ ئىس-تۈتەك خۇمداننىڭ تۈتۈنىگە ئوخشايتتى. پۈتۈن تاغ قاتتىق تەۋرەپ كەتتى. بۇ چاغدا، كاناينىڭ ئاۋازى بارغانسېرى كۈچەيدى. مۇسا سۆز قىلدى، خۇدا ئۇنىڭغا گۈلدۈرماما بىلەن جاۋاب قايتۇردى. پەرۋەردىگار تاغنىڭ چوققىسىغا چۈشۈپ، مۇسانى تاغقا چىقىشقا چاقىردى. مۇسا تاغقا چىقتى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: - سەن تاغدىن چۈشۈپ، خالايىقنى ئاگاھلاندۇر. چېگرىدىن ھالقىپ، مېنى كۆرگىلى كەلمىسۇن. بولمىسا، ئۇلار ھالاك بولىدۇ. مەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان روھانىيلارمۇ ئۆزىنى ماڭا ئاتاپ بولۇپ، ئاندىن خىزمىتىمدە بولسۇن. بولمىسا، ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن، - دېدى. مۇسا پەرۋەردىگارغا: - خەلق بۇ يەرگە چىقالمايدۇ، چۈنكى سەن بىزنىڭ بۇ تاغنى «مۇقەددەس تاغ» دەپ ئاتىشىمىزنى ۋە تاغنىڭ ئەتراپىغا چېگرا بەلگىلىشىمىزنى بۇيرۇغانىدىڭ، - دېدى. پەرۋەردىگار مۇساغا: - سەن چۈشۈپ، ھارۇننى باشلاپ كېلىۋەر. لېكىن، روھانىيلار بىلەن خالايىق چېگرىدىن ھالقىپ، بۇ يەرگە چىقمىسۇن. بولمىسا، مەن ئۇلارنى جازالايمەن، - دېدى. شۇنىڭ بىلەن، مۇسا تاغدىن چۈشۈپ، خالايىقنىڭ يېنىغا بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئۇلارغا يەتكۈزدى. خۇدا سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: - مەن سېنى قۇل بولۇپ ياشىغان مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگارىڭ خۇدادۇرمەن. ماڭىلا ئىبادەت قىل. مەندىن باشقا ھېچ قانداق ئىلاھىڭ بولمىسۇن. چوقۇنۇش ئۈچۈن، مەيلى ئاسماندىكى، يەردىكى، يەر ئاستىدىكى ياكى سۇدىكى ھەرقانداق نەرسىلەرنىڭ شەكلىدە بۇت ياسىما. ھەرقانداق بۇتقا چوقۇنما ياكى خىزمەت قىلما. چۈنكى، پەرۋەردىگارىڭ خۇدا بولغان مەن قىزغىنىدىغان خۇدادۇرمەن. مەندىن نەپرەتلەنگەنلەرنى ھەتتا نەرۋە-چەۋرىلىرىگىچە جازالايمەن. لېكىن، مېنى سۆيىدىغان، ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلغانلارنىڭ سانسىزلىغان ئەۋلادلىرىغىچە مېھرىبانلىق قىلىمەن. مۇقەددەس نامىمنى قالايمىقان تىلغا ئالما. كىمدەكىم مېنىڭ نامىمنى قالايمىقان تىلغا ئالسا، مەن - پەرۋەردىگارىڭ بولغان خۇدا ئۇنى چوقۇم جازالايمەن. دەم ئېلىش كۈنىنى مۇقەددەس كۈن بىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىل. ئالتە كۈن ئىشلەپ، تېگىشلىك ھەممە ئىشلىرىڭنى قىلىۋال. يەتتىنچى كۈن ماڭا ئاتالغان كۈن بولۇپ، بۇ كۈنى مەيلى سەن بول، پەرزەنتلىرىڭ، قۇللىرىڭ، چارۋا ماللىرىڭ ياكى يۇرتۇڭدا مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان يات ئادەملەر بولسۇن، ھېچقانداق ئىش قىلمىسۇن. مەن - پەرۋەردىگار ئالتە كۈن ئىچىدە ئاسمان، زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى پۈتكۈل مەۋجۇداتلارنى ياراتتىم. لېكىن، يەتتىنچى كۈنى دەم ئالدىم. شۇڭا مەن - پەرۋەردىگار دەم ئېلىش كۈنىنى بەختلىك كۈن قىلىپ، مۇقەددەس كۈن دەپ بەلگىلىدىم. ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل. شۇ چاغدا مەن ساڭا ئاتا قىلماقچى بولغان زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن. قاتىللىق قىلما. زىنا قىلما. ئوغرىلىق قىلما. يالغان گۇۋاھلىق بەرمە. باشقىلارنىڭ ئۆي-ئىمارەتلىرى، ئەر-خوتۇنى، قۇللىرى، كالا ياكى باشقا تەئەللۇقاتلىرىغا كۆز قىرىڭنى سالما. خالايىق گۈلدۈرماما ۋە كاناي ئاۋازلىرىنى ئاڭلاپ، چاقماق ۋە تاغدىن پۇرقىراپ چىقىۋاتقان ئىس-تۈتەكنى كۆرۈپ، قورقۇپ تىترىشىپ كەتتى. ئۇلار يىراق تۇرۇشۇپ، مۇساغا: - بىزگە سەنلا سۆز قىلغايسەن، چوقۇم ئاڭلايمىز. خۇدا بىزگە ئۆزى بىۋاسىتە سۆز قىلمىغاي. بولمىسا، ھالاك بولىدىغان ئوخشايمىز، - دېدى. مۇسا ئۇلارغا جاۋابەن: - قورقماڭلار، خۇدانىڭ بۇ يەرگە كېلىشى سىلەرنى سىناش ئۈچۈن، سىلەرنى ھەمىشە ئۆزىدىن قورقۇپ، گۇناھتىن خالىي بولۇشقا دەۋەت قىلىش ئۈچۈندۇر، - دېدى. لېكىن، كىشىلەر يەنىلا يىراقتا تۇرۇشاتتى. پەقەت مۇسالا خۇدانى قورشاپ تۇرغان قارا بۇلۇتنىڭ يېنىغا باردى. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: - سەن بېرىپ ئىسرائىللارغا مۇنۇ سۆزلىرىمنى يەتكۈزگىن: «سىلەر مېنىڭ ئەرشتىن سىلەرگە سۆز قىلغانلىقىمنى كۆردۈڭلار. سىلەر ئۆزۈڭلارغا ئالتۇن ياكى كۈمۈشتىن ھەرقانداق شەكىلدە بۇت ياساپ، ئۇلارغا سەجدە قىلماڭلار. ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار. توپىدىن مەن ئۈچۈن بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئۈستىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقىغا ئىشلىتىشكە كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنى قويۇڭلار. مەن سىلەرنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشىڭلارغا بەلگىلەپ بەرگەن جايلارغا كېلىپ، سىلەرگە بەخت ئاتا قىلىمەن. ئەگەر ماڭا ئاتاپ تاشتىن قۇربانلىق سۇپىسى ياسىساڭلار، سىلىقلانغان تاشتىن ياسىماڭلار. چۈنكى، ئەسۋاب تەگكەن تاشنى قوبۇل قىلمايمەن. ماڭا پەلەمپەي بىلەن چىقىدىغان قۇربانلىق سۇپىسى ياسىماڭلار. بولمىسا، پەلەمپەيدىن چىققۇچە نومۇسلۇق يېرىڭلار كۆرۈنۈپ قالىدۇ.» - سەن ئىسرائىل خەلقىگە تۆۋەندىكى قائىدە-نىزاملارنى ئېلان قىل: ئەگەر بىرى ئىبرانىيلار ئىچىدىن قۇل سېتىۋالغان بولسا، قۇل پەقەت ئالتە يىل ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلسۇن. يەتتىنچى يىلى، ئۇنىڭغا ھۆرلۈك بېرىلسۇن ھەم خوجايىنىغا ھېچقانداق ھەق تۆلىمەي كېتىۋەرسۇن. ئەگەر ئۇ ساڭا قۇل بولغاندىن كېيىن نىكاھلىق بولغان بولسا، كېتىدىغان ۋاقتىدا ئايالىنى ئېلىپ كېتىشكە بولمايدۇ. ئەگەر ئۇ ساڭا قۇل بولۇشتىن ئىلگىرى نىكاھلىق بولغان بولسا، ئايالى بىلەن بىللە ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرۈلسۇن. ئەگەر خوجايىن ئۇنىڭغا خوتۇن ئېلىپ بېرىپ، بۇ خوتۇن ئۇنىڭغا قىز-ئوغۇل پەرزەنتلەر تۇغۇپ بەرگەن بولسا، بۇ ئايال ۋە بالا-چاقىلار خوجايىنغا تەۋە بولىدۇ. پەقەت يالغۇز ئۆزىلا ھۆرلۈككە ئېرىشەلەيدۇ. ئەگەر ئۇ: «مەن خوجايىنىمنى ۋە خوتۇن-بالىلىرىمنى ياخشى كۆرىمەن. مەن ھۆر بولۇشنى خالىمايمەن» دېسە، خوجايىنى ئۇنى ئىبادەت ئورنىغا ئېلىپ بارسۇن ھەم ئۇنى ئىشىك ياكى ئىشىك كېشىكىگە يۆلەندۈرۈپ تۇرغۇزۇپ، بىگىز بىلەن ئۇنىڭ قۇلىقىنى تېشىپ قويسۇن. بۇ، ئۇ قۇلنىڭ خوجايىنىغا ئۆمۈرۋايەت خىزمەت قىلىدىغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولىدۇ. ئەگەر بىرى قىزىنى دېدەك قىلىپ سېتىۋەتكەن بولسا، ئۇ قىز ئەرلەرگە ئوخشاش ھەقسىز ھۆر بولۇپ كېتەلمەيدۇ. ئەگەر خوجايىن ئۇنى ئەمرىگە ئېلىش ئۈچۈن سېتىۋالغان بولسا، لېكىن كېيىن ئۇنى ياخشى كۆرمىسە، ئۇنداقتا خوجايىن قىز تەرەپنىڭ ھەق تۆلەپ قىزىنى ھۆر قىلىشىغا پۇرسەت بېرىشى كېرەك. خوجايىننىڭ ئۇنى ياتلارغا سېتىش ھوقۇقى بولمايدۇ. چۈنكى، خوجايىن ئۇنىڭغا ۋاپاسىزلىق قىلغاندۇر. ئەگەر خوجايىن ئۇنى ئوغلىغا ئېلىپ بەرگەن بولسا، ئۇنى ئۆز قىزىدەك كۆرسۇن. ئەگەر خوجايىن دېدەكنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە باشقا خوتۇن ئالغان بولسا، ئۇ چوقۇم دېدەكنىڭ يېمەك-ئىچمىكى، كىيىم-كېچىكى ۋە ئۇنىڭ جىنسىي ئېھتىياجىنىڭ ھاجىتىدىن بۇرۇنقىدەك چىقسۇن. ئەگەر خوجايىن بۇ ئۈچ تۈرلۈك بۇرچىنى ئۆتىيەلمىسە، دېدەكتىن ھەق ئالماي ئۇنىڭغا ھۆرلۈك بەرسۇن. - كىمدەكىم بىر ئادەمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويسا، ئۇ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسۇن. ھالبۇكى، ئەگەر بۇ ئىش مەقسەتسىز ھالدا ۋە مېنىڭ يول قويۇشۇم بىلەن يۈز بەرگەن بولسا، مەن بۇنى قىلغۇچىنىڭ قېچىپ بېرىشى ئۈچۈن بىر جاي ئورۇنلاشتۇرىمەن. بىراق، ئەگەر بىرى باشقىلارنى قەستەن ئۆلتۈرگەن بولسا، گەرچە ئۇ پاناھلىق تىلەش ئۈچۈن مېنىڭ قۇربانلىق سۇپامغا قېچىپ بېرىۋالسىمۇ، يەنىلا ئۆلۈمگە بۇيرۇلسۇن. ئاتىسى ياكى ئانىسىنى ئۇرغانلار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسۇن. باشقىلارنى تۇتۇۋېلىپ ساتقان ياكى ئۆزى ئېلىپ قېلىپ قۇل قىلغانلار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسۇن. ئاتىسى ياكى ئانىسىدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلسۇن. - ئۇرۇشۇپ قالغان ئىككى كىشىنىڭ بىرى يەنە بىرىنى تاش ياكى مۇشت بىلەن ئۇرۇپ زەخىملەندۈرگەن، گەرچە زەخىملەنگەن كىشى ئۆلمىگەن بولسىمۇ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان، بىراق ھاسا تۇتۇپ تاشقىرىغا چىققۇدەك بولسا، ئۇرغۇچى گۇناھسىز، دەپ ھېسابلانسۇن. لېكىن، يارىلانغۇچىنىڭ ۋاقىت جەھەتتىكى زىيىنىنى پۇل بىلەن تۆلەپ بەرسۇن ۋە ئۇنى داۋالىتىپ ساقايتسۇن. كىمدەكىم قۇلىنى ياكى دېدىكىنى كالتەك بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۇ جازاغا تارتىلسۇن. بىراق، قۇل خوجايىنىنىڭ تەئەللۇقاتى بولغاچقا، ئەگەر قۇل بىر، ئىككى كۈندىن كېيىن ساقىيىپ قالسا، خوجايىن جازالانمىسۇن. ئەگەر ئىككى كىشى ئۇرۇشۇپ قېلىپ، مۇناسىۋەتسىز بىر ھامىلىدار ئايالغا زىيان يەتكۈزسە، لېكىن ھامىلىدار ئايالدا بالىسىنىڭ بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىشىدىن باشقا زەخىملىنىش بولمىسا، ئۇلار يارىلانغان ئايالنىڭ ئېرىنىڭ تەلىپى بويىچە ھۆكۈمچىلەرنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن جەرىمانىنى تۆلىسۇن. ئەگەر ھامىلىدار ئايالدا باشقا زەخىملىنىش بولسا، جانغا جان، كۆزگە كۆز، چىشقا چىش، قولغا قول، پۇتقا پۇت، كۆيۈككە كۆيۈك، زەخىمگە زەخىم ۋە كۆككە كۆك ئېلىنسۇن. ئەگەر بىر كىشى قۇلىنىڭ كۆزىگە ئۇرۇپ ئۇنىڭ بىر كۆزىنى كور قىلىپ قويغان بولسا، كۆزىنىڭ بەدىلىگە ئۇ كىشى قۇلنى ئازاد قىلسۇن. ئەگەر ئۇ كىشى قۇلىنىڭ چىشىنى ئۇرۇپ سۇندۇرۇۋەتكەن بولسا، چىشىنىڭ بەدىلىگە ئۇ قۇلنى ئازاد قىلسۇن. ئەگەر كالا ئادەمنى ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۆلگۈچى مەيلى ئەر ياكى ئايال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كالا چوقۇم چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلسۇن. ئۇنىڭ گۆشىنى يېيىش ھارامدۇر. كالا ئىگىسى گۇناھسىز، دەپ ھېسابلانسۇن. ئەگەر ئۇ كالا ئەزەلدىنلا ئادەم ئۈسىدىغان كالا بولۇپ، باشقىلار كالىنىڭ ئىگىسىگە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن، بىراق كالا ئىگىسى بۇنىڭغا پەرۋا قىلماي، كالىسىنى يەنىلا بوش قويۇۋەتكەن ھەم بۇ كالا ئادەم ئۈسۈپ ئۆلتۈرگەن بولسا، كالا ئوخشاشلا چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلسۇن. كالا ئىگىسىمۇ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسۇن. ئەگەر تۆلەم تۆلەپ بېرىش تەلەپ قىلىنسا، كالا ئىگىسى ئۆلتۈرۈلمەي، ھاياتى بەدىلىگە تەلەپ قىلىنغان بويىچە تۆلەم تۆلەپ بەرسۇن. ئەگەر كالا باشقىلارنىڭ مەيلى ئوغلى ياكى قىزىنى ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، يۇقىرىقى قائىدە-نىزام بويىچە بىر تەرەپ قىلىنسۇن. ئەگەر كالا باشقىلارنىڭ قۇلى ياكى دېدىكىنى ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، كالىنىڭ ئىگىسى قۇلنىڭ خوجايىنىغا ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگە تۆلەپ بەرسۇن. كالا ئوخشاشلا چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلسۇن. ئەگەر بىرەرسى قۇدۇقنىڭ ئاغزىنى ئوچۇق قويۇپ ياكى كولاۋاتقان قۇدۇقنىڭ ئاغزىنى ياپماي، كالا ياكى ئېشەكنىڭ قۇدۇققا چۈشۈپ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، قۇدۇق ئىگىسى مال ئىگىسىگە تۆلەم تۆلىسۇن. ئۆلگەن مال بولسا قۇدۇق ئىگىسىنىڭ بولسۇن. ئەگەر مەلۇم بىر ئادەمنىڭ كالىسى باشقا بىرسىنىڭ كالىسىنى ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، كالا ئىگىلىرى ئۈسكۈچى كالىنى سېتىپ پۇلىنى تەڭ ئۈلەشسۇن ھەم ئۆلگەن كالىنىڭ گۆشىنىمۇ شۇنداق قىلسۇن. ئەگەر خوجايىن ئۆز كالىسىنىڭ ئۈسىدىغان ئادىتى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنى باغلاپ قويمىغان ھەم بۇ كالا باشقىلارنىڭ كالىسىنى ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، خوجايىن كالىغا كالا تۆلەپ بەرسۇن. كالىنىڭ ئۆلۈكىنى ئۆزى ئېلىپ قالسۇن. ئەگەر بىرى باشقا بىرىنىڭ كالىسىنى ياكى قويىنى ئوغرىلاپ سېتىۋەتكەن ياكى سويۇپ يەۋەتكەن بولسا، بىر كالىغا بەش كالا، بىر قويغا تۆت قوي تۆلىسۇن. ئەگەر بىرى كېچىسى باشقىلارنىڭ ئۆيىگە ئوغرىلىققا كىرىپ، تۇتۇلۇپ قېلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن بولسا، ئۇنى ئۆلتۈرگۈچى گۇناھسىز دەپ قارالسۇن. لېكىن، بۇ ئىش كۈندۈزى يۈز بەرگەن بولسا، ئۇنىڭغا قاتىللىق گۇناھى ئارتىلسۇن. ئوغرى ئوغرىلىغان نەرسىلەرنى تۆلىسۇن. ئەگەر ئۇنىڭ ھېچ نەرسىسى بولمىسا، ئۆزىنى قۇل ئورنىدا سېتىپ، زىياننى تۆلىسۇن. ئۇنىڭ ئوغرىلىغىنى كالا، ئېشەك ياكى قوي بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەگەر ئۇ مال ئوغرىنىڭ قولىدا تېخى تىرىك بولسا، ئوغرى مال ئىگىسىگە بىر ھەسسە ئارتۇق تۆلەم بەرسۇن. ئەگەر بىرى ئېتىزلىقتا ياكى ئۈزۈمزارلىقتا پادا بېقىپ، پادىلىرىنى ئىختىيارىغا قويۇۋېتىپ، پادىلارنىڭ باشقىلارنىڭ ئېتىزلىقىدىكى زىرائەتلەرنى ياكى ئۈزۈملەرنى يېيىشىگە يول قويسا، ئۇلارنىڭ زىيىنىنى ئۆز ئېتىزى ياكى ئۈزۈمزارلىقىنىڭ ئەڭ ياخشى مەھسۇلاتى بىلەن تۆلەپ بەرسۇن. ئەگەر بىرى ئۆز ئېتىزلىقىدىكى چاتقاللارنى كۆيدۈرگەندە ئېھتىياتسىزلىقتىن باشقىلارنىڭ زىرائەتلىرى ياكى خامىنىغا ئوت تۇتۇشۇپ كېتىپ، ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋەتكەن بولسا، ئوت قويغۇچى بارلىق زىياننى تۆلەپ بەرسۇن. ئەگەر بىرى پۇللىرى ياكى مال-مۈلۈكلىرىنى قوشنىسىغا ئامانەت قويۇپ، بۇ نەرسىلەر قوشنىسىنىڭ ئۆيىدىن ئوغرىلانغان بولسا، ناۋادا ئوغرى تۇتۇلسا، ئوغرى ئوغرىلىغان پۇل ياكى مال-مۈلۈكلەرنى بىر ھەسسە ئارتۇق تۆلىسۇن. ئەگەر ئوغرى تۇتۇلمىسا، ئامانەت قىلىنغۇچى سوراقچىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىلسۇن. سوراقچى ئۇنىڭ مال ئىگىسىنىڭ نەرسىلىرىنى ئالغان-ئالمىغانلىقىنى بېكىتسۇن. ھەرقانداق مال-مۈلۈك ماجىراسى توغرىسىدىكى دەۋا كالا، ئېشەك، قوي، كىيىم-كېچەك ياكى باشقا يوقالغان نەرسىلەرگە چېتىشلىق بولسا ھەمدە ماجىرالاشقان ئىككى تەرەپ تالاش-تارتىش قىلىپ دەۋانى بىر تەرەپ قىلالمىسا، سوراقچىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئەرز قىلىشسۇن. سوراقچى كىمگە گۇناھ بېكىتسە، شۇ ئادەم بىر ھەسسە ئارتۇق تۆلىسۇن. بىرى ئېشىكى، كالىسى، قويى ياكى باشقا ئۇلاغلىرىنى قوشنىسىنىڭ قاراپ قويۇشىغا ھاۋالە قىلغاندىن كېيىن، ئۇلاغلار ئۆلۈپ قالسا، يارىلانسا ياكى بىراۋ ھەيدەپ ئەكەتسە، لېكىن بۇنى ھېچكىم كۆرمىگەن بولسا، ھاۋالە قىلىنغۇچى قوشنىسىنىڭ ئۇلاغلىرىنى ئالمىغانلىقى توغرىسىدا خۇدانىڭ نامىدا قەسەم قىلسۇن. مۇشۇنداق بولغاندا، ئۇلاغ ئىگىسىمۇ سۈرۈشتە قىلمىسۇن، ھاۋالە قىلىنغۇچىمۇ تۆلىمىسۇن. بىراق، ئەگەر ئۇلاغلار ئوغرىلانغان بولسا، ھاۋالە قىلىنغۇچى ئىگىسىگە تۆلەپ بەرسۇن. ئەگەر مالنى يىرتقۇچ ھايۋانلار يەپ كەتكەن بولسا، ھاۋالە قىلىنغۇچى مالنىڭ قالدۇقىنى ئەكېلىپ ئىسپات كۆرسەتسۇن، تۆلەپ بەرمىسۇن. ئەگەر بىرى باشقا بىرىنىڭ ئۇلىغىنى ئارىيەت ئالغان بولسا، بۇ ئۇلاغ ئىگىسى يوق يەردە زەخىملەنگەن ياكى ئۆلۈپ قالغان بولسا، ئارىيەت ئالغۇچى ئۇلاغنى تۆلەپ بەرسۇن. ئەگەر ئىگىسى نەق مەيداندا بولسا، تۆلىمىسۇن. ئەگەر ئىجارىگە ئالغان بولسىمۇ، ئىجارىگە ئالغۇچى تۆلىمىسۇن. چۈنكى، ئۇ ئىجارە ھەققى تۆلىگەن. ئەگەر بىر ئادەم تېخى باشقىلارغا ياتلىق بولۇشقا پۈتۈشمىگەن قىزنى ئازدۇرۇپ، ئۇنىڭ نومۇسىغا تەگسە، تويلۇق بېرىپ ئۇ قىز بىلەن نىكاھلانسۇن. بىراق، ئەگەر قىزنىڭ دادىسى ئۇنىڭغا قىزىنى بېرىشكە قوشۇلمىسا، ئۇ ئادەم قىزنىڭ تويلۇقىغا باراۋەر كېلىدىغان پۇل تۆلەپ بەرسۇن. جادۇگەرلىك قىلغان ئايالنى تىرىك قالدۇرۇشقا بولمايدۇ. ھايۋان بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغانلار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسۇن. مەندىن باشقا ھەرقانداق ئىلاھقا قۇربانلىق سۇنغان كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلسۇن. - ياقا يۇرتلۇق مۇساپىرلارنى خورلىما ياكى بوزەك قىلما. ئۆزۈڭلارنىڭ مىسىردا مۇساپىر بولۇپ تۇرغانلىقىڭلارنى ئۇنتۇما. تۇل خوتۇن، يېتىم بالىلارنى خورلىما. ئەگەر سەن ئۇلارنى خورلىساڭ، ئۇلار ماڭا نالە قىلىپ ياردەم تىلىسە، مەن ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، دەرغەزىپىم بىلەن سېنى قىلىچ ئاستىدا ھالاك قىلىپ، خوتۇنۇڭنى تۇل، پەرزەنتلىرىڭنى يېتىم قالدۇرىمەن. ئەگەر سەن خەلقىم ئىچىدىكى ھەرقانداق بىر كەمبەغەلگە قەرز پۇل بەرگەن بولساڭ، جازانىخورلارغا ئوخشاش ئۆسۈم ئالما. ئەگەر سەن باشقا كىشىنىڭ چاپىنىنى گۆرۈگە ئالغان بولساڭ، كۈن پاتقۇچە قايتۇرۇپ بەر. چۈنكى، ئۇ پەقەت شۇ چاپان بىلەنلا ئىسسىنىدۇ. بۇ چاپان بولمىسا، ئۇ نېمىنى يېپىنچا قىلىپ ئۇخلىسۇن؟ ئۇ ماڭا نالە قىلىپ ياردەم تىلىسە، ئۇنىڭ نالىسىنى ئاڭلايمەن، چۈنكى رەھىمدىلدۇرمەن. كۇپۇرلۇق قىلما، خەلقنىڭ رەھبەرلىرىنىمۇ قارغىما. ماڭا قىلىدىغان باش ھوسۇلىڭدىن ئېلىنغان بۇغداي، شاراب، ياغ ھەدىيىلىرىڭنى ئايىما. تۇنجى ئوغلۇڭنى ماڭا ئاتا. كالا، قويلىرىڭنىڭ تۇنجى بالىلىرىنىمۇ شۇنداق قىل. ھايۋانلار تۇغۇلۇپ يەتتە كۈن ئانىلىرى بىلەن بىللە تۇرسۇن، سەككىزىنچى كۈنى ماڭا ئاتا. سەن مېنىڭ پاك خەلقىم بولۇشۇڭ كېرەك. شۇڭا، سەن يىرتقۇچ ھايۋانلار قارنىنى يېرىۋەتكەن ماللارنىڭ گۆشىنى يېمەي، ئۇنى ئىتقا بەر. - ئىغۋا تارقاتما. يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ، گۇناھكارغا يان باسما. كۆپ سانلىقلارغا ئەگىشىپ يامانلىق قىلما. دەۋادا گۇۋاھلىق بەرگەندە، كۆپچىلىككە يان بېسىپ ھەقنى بۇرمىلىما. دەۋادا كەمبەغەلگىمۇ يان باسما. ئەگەر دۈشمىنىڭنىڭ كالىسى ياكى ئېشىكىنىڭ ئېزىپ يۈرگىنىنى كۆرسەڭ، ئۇلارنى ئالغاچ كېلىپ ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بەر. ئەگەر دۈشمىنىڭنىڭ ئېشىكى يۈكنى كۆتۈرەلمەي يىقىلىپ چۈشسە، كۆرمەسكە سېلىپ كېتىپ قالماي، ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئېشىكىنى قوپۇرۇشۇپ بەر. دەۋادا كەمبەغەللەرگە ئۇۋال قىلما. تۆھمەت چاپلاپ ئەرز قىلما. بىگۇناھ توغرا ئادەمنى ئۆلۈمگە ئىتتىرمە. چۈنكى، مەن بۇنداق رەزىل ئىش قىلغۇچىلارنى چوقۇم جازالىماي قويمايمەن. پارا ئالما، چۈنكى پارا كۆرىدىغانلارنىڭ كۆزىنى كور قىلىپ، دۇرۇس ئادەملەرنىڭ سۆزىنى بۇرمىلايدۇ. ياقا يۇرتلۇق مۇساپىرلارنى بوزەك قىلما. چۈنكى، مىسىردا مۇساپىر بولۇپ تۇرغىنىڭلاردا، ياقا يۇرتتىكى مۇساپىرچىلىقنىڭ تەمىنى سىلەرمۇ تېتىغان. - ئالتە يىل دېھقانچىلىق قىلىپ، ھوسۇل جۇغلا. يەتتىنچى يىلى يەرگە ئارام بېرىپ، ئاق تاشلىۋەت. ئۈنۈپ قالغان زىرائەتلەرنى كەمبەغەللەر يىغسۇن. قالغىنىنى ياۋايى ھايۋاناتلار يېسۇن. ئۈزۈمزارلىقىڭ بىلەن زەيتۇنلۇقۇڭنىمۇ شۇنداق قىل. ئالتە كۈن ئىشلەپ، يەتتىنچى كۈنى ئارام ئال. ئۇلاغلىرىڭ، قۇللىرىڭ ۋە ياقا يۇرتلۇق مۇساپىرلارمۇ ئارام ئالسۇن. مەن - پەرۋەردىگار ساڭا ئېيتقان سۆزلەرگە تولۇق ئەمەل قىل. باشقا ئىلاھلارنىڭ نامى بىلەن دۇئا قىلما. ھەتتا ئۇلارنىڭ نامىنى تىلغىمۇ ئالما. - ھەر يىلى مەن ئۈچۈن ئۈچ قېتىم ھېيت قىل. ئالدى بىلەن پېتىر نان ھېيتىنى قىل. مېنىڭ ئەمرىم بويىچە يەتتە كۈنلۈك ھېيتتا پېتىر نان يە. بۇ ھېيت ھەر يىلى زىرائەتلەر بىخ چىقارغان باش باھار ئېيىدا، يەنى سىلەر مىسىردىن ئايرىلغان ئايدا ئۆتكۈزۈلسۇن. ئالدىمغا قۇرۇق قول كەلمە. تۇنجى پىشقان زىرائەتلەرنى ئورىغاندا، ئورما ھېيتى قىل. كۈزدە ھوسۇللارنى ئامبارغا يىغقىنىڭدا، ھوسۇل يىغىش ھېيتى قىل. ھەر يىلى بۇ ئۈچ ھېيتتا، پۈتكۈل ئەرلەر ماڭا - ئىگەڭلار خۇدانىڭ ئالدىغا كەلسۇن. ماڭا قۇربانلىق قېنىنى بولدۇرۇلغان خېمىردىن پىشۇرۇلغان يېمەكلىك بىلەن بىللە ئاتىما. ھېيت مەزگىلىدە قۇربانلىق قىلىنغان مالنىڭ مېيىنى ئەتىسى ئەتىگەنگىچە ساقلىما. ھەر يىلى تۇنجى پىشقان زىرائەتلەرنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىدىن مېنىڭ خانامغا ئەكىرىپ، ماڭا - پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتا. ئوغلاقنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە پىشۇرما. - پەرىشتەمنى ئالدىڭغا ئەۋەتىمەن. ئۇ يوللاردا سېنى قوغداپ، سېنى مەن ساڭا تەييارلاپ قويغان يەرگە ئېلىپ بارىدۇ. سەن ئېھتىيات بىلەن ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سال، قارشىلىق كۆرسەتمە. بولمىسا، ئۇ گۇناھىڭلارنى كەچۈرمەيدۇ، چۈنكى ئۇ مېنىڭ نامىمدا كېلىدۇ. ئەگەر سەن سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىپ، مېنىڭ پۈتۈن ئەمرلىرىمگە ئەمەل قىلساڭ، دۈشمىنىڭگە دۈشمەن، رەقىبىڭگە رەقىب بولىمەن. مېنىڭ پەرىشتەم سېنىڭ ئالدىڭدا مېڭىپ، سېنى ئامورلار، خىتلار، پەرىزىلەر، قانانلار، ھىۋىلار ۋە يەبۇسلارنىڭ زېمىنىغا ئېلىپ كىرىدۇ. مەن بولسام ئۇلارنى يوقىتىمەن. ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا باش ئېگىپ ئىبادەت قىلما، ئۇلارنىڭ قىلىقلىرىنى دورىما، ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنى ئۇرۇپ چېقىۋەت. سەن پەقەت ماڭا - پەرۋەردىگار خۇداغىلا ئىبادەت قىل، يېمەك-ئىچمىكىڭگە بەرىكەت بېرىمەن، سېنى پۈتۈن كېسەللەردىن خالاس قىلىمەن. ئاراڭلاردا بويىدىن ئاجراپ كېتىدىغان ياكى تۇغماس ئاياللار بولمايدۇ. ساڭا ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلىمەن. سەن قەيەرگە بارساڭ، مەن شۇ يەردىكىلەرنى سېنىڭدىن چۆچۈيدىغان، سېنى كۆرسىلا ئالدى-كەينىگە قارىماي قاچىدىغان قىلىمەن. دۈشمەنلىرىڭنى پاراكەندە قىلىپ، سەن ئىچكىرىلەپ كىرىشتىن بۇرۇنلا، ھىۋىلار، قانانلار ۋە خىتلارنى قوغلاپ چىقىرىمەن. لېكىن، يەرلەرنىڭ ئاق قىلىپ، يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ماكانى بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى ھازىرچە پۈتۈنلەي قوغلىۋەتمەيمەن. سىلەرنىڭ نوپۇسۇڭلارنىڭ كۆپىيىپ، ئۇ زېمىننى قاپلىشىڭلارغا ئەگىشىپ، ئۇلارنى ئاستا-ئاستا ھەيدەپ چىقىرىمەن. سېنىڭ يۇرتۇڭنىڭ چېگرىسىنى قىزىل دېڭىزدىن ئوتتۇرا دېڭىزغىچە، قۇملۇق رايونىدىن فىرات دەرياسىغىچە كېڭەيتىمەن. مەن ساڭا يەرلىك ئاھالىنى بويسۇندۇرۇش قۇدرىتىنى بېرىمەن. سەن ئىلگىرىلەپ كىرگەن ۋاقتىڭدا، ئۇلارنى ھەيدىۋېتەلەيسەن. ئۇلار ياكى ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى بىلەن بىرەر ئەھدە تۈزمە. ئۇلارنى زېمىنىڭدا تۇرغۇزما. بولمىسا، ئۇلار سېنى گۇناھقا باشلايدۇ. ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا ئىبادەت قىلساڭ، بۇ ساڭا ئەجەللىك تۇزاق بولىدۇ. پەرۋەردىگار مۇساغا: - سەن ھارۇن، ناداب، ئابىھۇ ۋە ئىسرائىل ئاقساقاللىرىدىن يەتمىش كىشىنى ئېلىپ، بۇ تاغقا چىقىپ، بىرلىكتە يىراقتىن ماڭا سەجدە قىل. مېنىڭ ئالدىمغا بولسا يالغ ۇز ئۆزۈڭلا كەل. باشقىلار يېقىن كەلمىسۇن. خالايىقمۇ سەن بىلەن تاغقا چىقمىسۇن، - دېدى. مۇسا تاغدىن چۈشكەندىن كېيىن، خالايىققا پەرۋەردىگارنىڭ ھەممە ئەمرلىرى ۋە قانۇنلىرىنى بايان قىلدى. پۈتۈن خالايىق: - پەرۋەردىگارنىڭ پۈتۈن ئەمرلىرىگە چوقۇم ئەمەل قىلىمىز، - دەپ بىر ئېغىزدىن جاۋاب قايتۇرۇشتى. مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ پۈتۈن ئەمرلىرىنى خاتىرىلىۋالدى. ئەتىسى ئەتىگەندىلا، ئۇ تاغ باغرىدا بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىدى ھەمدە ئون ئىككى تاشنى تىكلىدى. ھەربىر تاش ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ بىرىگە ۋەكىللىك قىلاتتى. ئاندىن كېيىن، مۇسا بىرمۇنچە ياشلارنى پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئەركەك موزايلارنى قۇربانلىق قىلىشقا ئەۋەتتى. مۇسا مالنىڭ قېنىنىڭ يېرىمىنى جاۋۇرغا ئېلىپ قويۇپ، يېرىمىنى قۇربانلىق سۇپىسىغا چاچتى. ئاندىن كېيىن، ئەھدىنامىنى قولىغا ئېلىپ، خالايىققا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئوقۇپ بەردى. خالايىق: - بىز چوقۇم پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش كۆرىمىز، - دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن، مۇسا جاۋۇردىكى قاننى خالايىقنىڭ ئۇچىسىغا سېپىپ: - بۇ قان ئەھدە قېنىدۇر، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز سۆزلىرى ئارقىلىق سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنىڭ ئاساسىدۇر، - دېدى. مۇسا، ھارۇن، ناداب، ئابىھۇ ۋە ئىسرائىل ئاقساقاللىرىدىن يەتمىش كىشى تاغقا چىقىشتى. ئۇلار ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانى كۆردى! ئۇنىڭ ئايىغى ئاستىدا ئاسمانغا ئوخشاش سۈپسۈزۈك كۆك ياقۇت پايانداز بار ئىدى. ئىسرائىل ئاقساقاللىرى خۇدانى كۆرسىمۇ، خۇدا ئۇلارغا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزمىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار غىزالاندى. پەرۋەردىگار مۇساغا: - سەن تاغنىڭ چوققىسىغا چىقىپ، مېنىڭ يېنىمغا كەل. خەلقنى تەربىيىلەش ئۈچۈن، مەن پۈتۈن قانۇن ۋە پەرزلەرنى يازغان ئىككى تاش تاختىنى ساڭا تاپشۇرىمەن، - دېدى. مۇسا ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى يەشۇ قوزغىلىپ، مۇقەددەس تاغقا يۇقىرىلاپ چىقتى. مېڭىش ئالدىدا مۇسا ئىسرائىل ئاقساقاللىرىغا: - بىز قايتىپ كەلگۈچە، سىلەر بۇ يەردە بىزنى كۈتۈپ تۇرۇڭلار. ھارۇن بىلەن خۇر سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا قالىدۇ. بىرەر تالاش-تارتىش چىقسا، ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ھەل قىلىڭلار، - دېدى. بۇنىڭ بىلەن، مۇسا سىناي تېغى چوققىسىغا چىقتى. بۇ ۋاقىتتا، تاغنى بۇلۇت قاپلىۋالدى. پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى تاغقا چۈشتى. ئالتە كۈنگىچە، تاغنى بۇلۇت قاپلاپ تۇردى. يەتتىنىچى كۈنى، پەرۋەردىگار بۇلۇت ئارىسىدىن مۇسانى چاقىردى. بۇ پارلاق نۇر باشقا ئىسرائىللارغا بولسا گويا دەھشەتلىك كۆيۈۋاتقان ئوتتەك كۆرۈندى. مۇسا بۇلۇتنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئۇ يەردە قىرىق كېچە-كۈندۈز تۇردى. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: - سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن: «كىمدەكىم رازىمەنلىك بىلەن ماڭا ھەدىيە سۇنۇشنى خالىسا، ھەدىيە سۇنسۇن. سىلەر مۇنداق ھەدىيىلەرنى قوبۇل قىلىڭلار: ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ ھەمدە كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ، كەندىر يىپ، ئۆچكە تىۋىتى، قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسى، نەپىس ئىشلەنگەن تېرىلەر، ئاكاتسىيە ياغىچى، چىراغ ئۈچۈن ياغ، مۇقەددەس ياغ ۋە ئىسرىق ئۈچۈن خۇشبۇي دورا-دەرمەكلەر، باش روھانىي كىيىدىغان ئېفود بىلەن كۆكرەكلىكىگە قادىلىدىغان يوللۇق ھېقىق ۋە باشقا ئېسىل تاشلار. ئۇلار ماڭا بىر مۇقەددەس تۇرالغۇ ياسىسۇن بۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرىمەن. بۇ ئىبادەت چېدىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى سايمانلارنى مەن ساڭا كۆرسەتكەن نۇسخىغا ئوپئوخشاش قىلىپ ياسىسۇن.» - ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئۇزۇنلۇقى بىر يۈز يىگىرمە بەش سانتىمېتىر، كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكى يەتمىش بەش سانتىمېتىرلىق بىر ساندۇق ياساڭلار. ساندۇقنىڭ ئىچى-سىرتىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، چۆرىسىگە ئالتۇندىن جىيەك تۇتۇڭلار. ئالتۇندىن تۆت ھالقا قۇيدۇرۇپ ساندۇقنىڭ تۆت پۇتىغا، ھەربىر تەرىپىگە ئىككىدىن ئورنىتىڭلار. ئىككى بالداق ھەمىشە ھالقىدا تۇرسۇن، ئۇنىڭدىن چىقىرىۋېتىلمىسۇن. مەن ساڭا بېرىدىغان، پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختا ساندۇقنىڭ ئىچىگە قويۇلسۇن. ساندۇقنىڭ ئۈستىدە ساپ ئالتۇندىن ئۇزۇنلۇقى بىر يۈز يىگىرمە بەش، كەڭلىكى يەتمىش بەش سانتىمېتىر كېلىدىغان ساندۇق ئاغزى، يەنى «مېھىر-شەپقەت تەختى» ياساڭلار. ئالتۇندىن «كېرۇب» دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى دانە قاناتلىق مەخلۇقنىڭ ھەيكىلىنى سوقۇپ، «مېھىر-شەپقەت تەختى»~نىڭ ئىككى بېشىغا بىردىن ئورنىتىپ، تەخت بىلەن بىر پۈتۈن قىلىپ بىرلەشتۈرۈڭلار. قاناتلىق ھەيكەللەر ئۇدۇلمۇئۇدۇل قويۇلغان ھالەتتە تەختنىڭ يۈزىگە قارىشىپ، قاناتلىرىنى ئېچىپ، «مېھىر-شەپقەت تەختى»~نى يېپىپ تۇرسۇن. مەن ساڭا بېرىدىغان پەرزلەر يېزىلىدىغان ئىككى تاش تاختىنى ساندۇقنىڭ ئىچىگە قويۇپ، ساندۇق ئاغزى، يەنى «مېھىر-شەپقەت تەختى»~نى ساندۇقنىڭ ئۈستىگە قويۇڭلار. مەن ئۇ يەردە سەن بىلەن ئۇچرىشىپ، تەختنىڭ ئۈستىدە ئىككى قاناتلىق مەخلۇقنىڭ ھەيكىلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ، ئىسرائىللارغا چۈشۈرىدىغان ئەمرلىرىمنى ساڭا يەتكۈزىمەن. - ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئۇزۇنلۇقى يۈز، كەڭلىكى ئەللىك، ئېگىزلىكى يەتمىش بەش سانتىمېتىرلىق بىر شىرە ياساپ، ئۇنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، چۆرىسىگە ئالتۇندىن جىيەك تۇتۇڭلار. شىرەنىڭ چۆرىسىگە تۆت ئىلىك كەڭلىكتە پەۋاز قويۇپ، ئۇنىڭغىمۇ ئالتۇن جىيەك تۇتۇڭلار. كۆتۈرۈش بالداقلىرىنى سېلىش ئۈچۈن، تۆت ئالتۇن ھالقا ياساپ، شىرەنىڭ تۆت بۇرجىكىدىكى پۇتىغا ئورنىتىڭلار. بالداقلارنىڭ ئالتۇن ھالقىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن، ھالقا پەۋازغا يېقىن بولسۇن. بالداقلار ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىلىپ، ئالتۇن بىلەن قاپلانسۇن. شىرەنىڭ ئۈستىدىكى ئىچىملىك ھەدىيىسىگە ئىشلىتىلىدىغان تاۋاق، تەخسە، چەينەك ۋە پىيالىلەرنى ساپ ئالتۇندىن ياساڭلار. شىرەگە ھەمىشە ماڭا ھەدىيە قىلىنغان نانلارنى تىزىپ قويۇڭلار. - ساپ ئالتۇندىن بىر چىراغدان سوقۇلسۇن. چىراغداننىڭ پۇتى بىلەن تۈۋرۈكى، قەدەھلىرى، گۈل تۈگۈنى ۋە گۈل بەرگلىرى بىر پۈتۈن قىلىنسۇن. چىراغداننىڭ ئىككى يېنىغا ھەر تەرەپكە ئۈچتىن ئالتە شاخچە چىقىرىلسۇن. ھەربىر شاخچىدا گۈل تۈگۈنى ۋە بەرگلىرى بولغان بادام چېچىكى شەكلىدىكى ئۈچ تال قەدەھ بولسۇن. چىراغداننىڭ ئالتە شاخچىسىنىڭ ھەممىسىلا مۇشۇنداق ياسالسۇن. چىراغداننىڭ مەركىزىي شاخچىسىنىڭ ئۇچىدا گۈل تۈگۈنى ۋە بەرگىلىرى بولغان بادام چېچىكى شەكلىدىكى تۆت تال قەدەھ بولسۇن. چىراغداننىڭ مەركىزىي شاخچىسىدىن ئىككى تەرەپكە چىقىرىلغان ھەربىر جۈپ شاخچىنىڭ ئاستىغا تۈگۈن چىقىرىلسۇن. چىراغداننىڭ ئالتە شېخىنىڭ ھەممىسى شۇنداق ياسالسۇن. پۈتۈن چىراغدان، يەنى ئۇنىڭ بارلىق بېزەكلىرىنىڭ ھەممىسى بىرلا پارچە ئالتۇندىن سوقۇلسۇن. چىراغدانغا يورۇقى ئالدى تەرەپكە چۈشىدىغان قىلىپ يەتتە چىراغ ئورنىتىلسۇن. ئۇنىڭ پىلىك قىسقۇچلىرى ۋە كۈلدانلىرى ساپ ئالتۇندىن قىلىنسۇن. چىراغداننىڭ ئۆزى ۋە پۈتۈن سايمانلىرىغا ئوتتۇز تۆت كىلو ساپ ئالتۇن ئىشلىتىلسۇن. بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن ساڭا تاغدا كۆرسەتكەن نۇسخا بويىچە ئېھتىيات بىلەن ياسالسۇن. - ئىبادەت چېدىرى ئون دانە يوپۇقتىن ياسالسۇن. بۇ يوپۇقلار كەندىر يىپ بىلەن كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپتىن توقۇلۇپ، ئۈستىگە قولى چېۋەر ئۇستىلار تەرىپىدىن قاناتلىق پەرىشتىلەرنىڭ سۈرىتى نەپىس كەشتىلەنسۇن. ھەربىر يوپۇقنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش ھالدا ئۇزۇنلۇقى ئون تۆت، كەڭلىكى ئىككى مېتىردىن قىلىنسۇن. يوپۇقلارنىڭ بەشى بىر پارچە، قالغان بەشى يەنە بىر پارچە قىلىنىپ ئۇلانسۇن. ئۇلانغان ھەربىر چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكىسىگە كۆك رەڭلىك ئىزمە تىكىلسۇن. شۇنداق قىلىپ، يوپۇقنىڭ بىر پارچىسىنىڭ ئەڭ چېتىدىكىسىگە ئەللىك ئىزمە، يەنە بىر پارچىسىنىڭ ئەڭ چېتىدىكىسىگىمۇ ئەللىك ئىزمە تىكىلسۇن. ئەللىك ئالتۇن ئىلمەك ياساپ، ئىككى پارچە يوپۇق تۇتاشتۇرۇلسۇن. ئىبادەت چېدىرىنى يېپىش ئۈچۈن، ئۆچكە يۇڭىدىن ئون بىر پارچە قېلىن يوپۇق رەخت توقۇڭلار. يوپۇقلارنىڭ ھەربىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش قىلىنسۇن؛ ئۇزۇنلۇقى ئون بەش، كەڭلىكى ئىككى مېتىردىن بولسۇن. يوپۇقلارنىڭ بەش دانىسى بىر پارچە، قالغان ئالتىسى يەنە بىر پارچە قىلىنىپ ئۇلانسۇن. ئالتىنچى پارچە يوپۇقنى ئىككى قەۋەت قىلىپ قاتلاپ، ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدى تەرىپىگە ساڭگىلىتىپ قويۇڭلار. بىرىنچى چوڭ يوپۇقنىڭ ئەڭ چېتىدىكى پارچىسىگە ئەللىك ئىزمە، يەنە بىر چوڭ يوپۇقنىڭ ئەڭ چېتىدىكىسىگىمۇ ئەللىك ئىزمە تىكىڭلار. تۇچتىن ئەللىك ئىلمەك ياساپ، ئۇلارنى ئىزمىلەرگە ئۆتكۈزۈپ، ئىككى پارچە يوپۇقنى بىر-بىرىگە ئۇلاپ بىر پۈتۈن يوپۇق قىلىڭلار. چېدىر يوپۇقىنىڭ ئېشىپ قالغان يېرىم پارچىسى چېدىرنىڭ كەينىگە ساڭگىلاپ تۇرسۇن. يوپۇقنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئېشىپ قالغان پارچىسى بولسا ئىككى تەرەپكە يېرىم مېتىردىن ساڭگىلاپ، چېدىرنى يېپىپ تۇرسۇن. بۇنىڭدىن باشقا، چېدىرنى قاپلاش ئۈچۈن قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسىدىن ۋە نەپىس ئىشلەنگەن تېرىدىن يەنە ئىككى پارچە چېدىر يوپۇقى ياساڭلار. ئىبادەت چېدىرىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن، ئاكاتسىيە ياغىچىدىن رام ياساڭلار. ھەربىر رامنىڭ ئۇزۇنلۇقى بەش مېتىر، كەڭلىكى يەتمىش بەش سانتىمېتىر بولسۇن. ھەربىر رامنىڭ بىر-بىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئىككىدىن ئۇلىغۇچىسى بولسۇن. ھەممە راملاردا شۇنداق ئۇلىغۇچ بولسۇن. چېدىرنىڭ جەنۇب تەرىپىگە يىگىرمە رام تىكلەنسۇن. راملارنىڭ تېگىگە كۈمۈشتىن قىرىق دانە پۇت ياسالسۇن. ھەربىر رامنى ئىككى پۇت كۆتۈرۈپ تۇرسۇن. چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىگە، يەنى غەرب تەرەپكە ئالتە رام تىكلەنسۇن. چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىدىكى ئىككى بۇلۇڭغا ئىككى رام قويۇلسۇن. راملار بىر-بىرىگە يېقىن قويۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇچى بىر چەمبەرگە كىرگۈزۈلۈپ مۇقىملاشتۇرۇلسۇن. ئىككى دوقمۇشنى ھاسىل قىلىدىغان ھەر ئىككى رام شۇنداق ياسالسۇن. بۇ تەرىپىدە سەككىز رام بولۇپ، ھەربىر رامنىڭ تېگىدە ئىككىدىن جەمئىي ئون ئالتە دانە كۈمۈش پۇت بولسۇن. بۇنىڭدىن باشقا، ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئون بەش دانە توغرا بالداق ياساڭلار. بۇلاردىن ئىبادەت چېدىرىنىڭ بىر يېنىدىكى راملارغا بەش دانە، يەنە بىر يېنىدىكى راملارغا بەش دانە، چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىدىكى غەربكە قارايدىغان راملارغا بەش دانە ئورنىتىلسۇن. راملارنىڭ ئوتتۇرىسىغا چېتىلىدىغان ئوتتۇرا بالداق چېدىرنىڭ بىر بېشىدىن يەنە بىر بېشىغا يەتكۈزۈلۈپ ياسالسۇن. راملار ۋە بالداقلار ئالتۇن بىلەن قاپلانسۇن، بالداقلار ئۆتكۈزۈلىدىغان ھالقىلارمۇ ئالتۇندىن ياسالسۇن. ئىبادەت چېدىرى مەن ساڭا تاغدا كۆرسەتكەن نۇسخا بويىچە ياسالسۇن. قولى چېۋەر ئۇستىلار تەرىپىدىن كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ ھەم كەندىر يىپتىن بىر پەردە توقۇلۇپ، ئۇنىڭغا قاناتلىق پەرىشتىلەرنىڭ سۈرىتى نەپىس كەشتىلىنىپ، ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسالغان تۆت تۈۋرۈككە ئورنىتىلغان ئالتۇن ئىلمەكلەرگە ئېسىپ قويۇلسۇن. تۈۋرۈكلەر ئالتۇن بىلەن قاپلىنىپ، كۈمۈشتىن ياسالغان تۆت پۇتنىڭ ئۈستىگە ئورنىتىلسۇن. پەردە چېدىر يوپۇقىدىكى قاتار ئىلمەكلەرنىڭ ئاستىدىن ساڭگىلىتىپ قويۇلسۇن، پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختا سېلىنغان ئەھدە ساندۇقى پەردىنىڭ كەينىگە قويۇلسۇن. بۇ پەردە ئەڭ مۇقەددەس جاي بىلەن مۇقەددەس جاينى ئايرىپ تۇرسۇن. ساندۇق ئاغزى، يەنى «مېھىر-شەپقەت تەختى» ئەڭ مۇقەددەس جايدىكى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىگە ئورنىتىلسۇن. شىرە ئەڭ مۇقەددەس جاينىڭ سىرتىدا، يەنى ئىبادەت چېدىرى ئىچىدىكى شىمال تەرەپكە، چىراغدان چېدىر ئىچىدىكى جەنۇب تەرەپكە قويۇلسۇن. بۇنىڭدىن باشقا، كەندىر يىپ بىلەن كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپتىن ئىبادەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىغا كەشتىلەنگەن بىر ئىشىك پەردىسى توقۇلسۇن. ئىشىك پەردىسىگە ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بەش دانە تۈۋرۈك ياسىلىپ، تۈۋرۈك بېشى ئالتۇن بىلەن قاپلانسۇن. تۈۋرۈكلەردە ئالتۇن ئىلمەكلەر بولسۇن ھەم تۇچتىن بەش دانە تۈۋرۈك پۇتى ياسالسۇن. - ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساڭلار. سۇپا تۆت چاسا بولۇپ، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى بىر يېرىم، ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى ئىككى يېرىم مېتىردىن قىلىنسۇن. سۇپىنىڭ تۆت بۇرجىكىگە مۈڭگۈزلەر چىقىرىلسۇن ھەم سۇپا بىلەن بىر پۈتۈن قىلىنىپ، تۇچ بىلەن قاپلانسۇن. قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ كۈلىنى ئېلىش ئۈچۈن، كۈلدان، گۈرجەك، داس، لاخشىگىر ۋە ئوتدانلار ياسالسۇن. بۇ سايمانلارنىڭ ھەممىسى تۇچتىن بولسۇن. بۇنىڭدىن باشقا، قۇربانلىق سۇپىسىغا تۇچتىن بىر شالا ياساپ، ئۇنىڭ تۆت بۇرجىكىگە تۆت دانە تۇچ ھالقا بېكىتىپ قويۇلسۇن. شالا قۇربانلىق سۇپىسى ئوتخانىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى شالا تەكچىسىنىڭ ئۈستىگە قويۇلسۇن. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە قۇربانلىق سۇپىسىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئىككى بالداق ياساپ، بۇلارنى تۇچ بىلەن قاپلاڭلار. قۇربانلىق سۇپىسىنى كۆتۈرگەندە، بالداقلار ئىككى ياندىكى ھالقىلارغا ئۆتكۈزۈلسۇن. قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئوتتۇرىسى كاۋاك قىلىنسۇن. ئۇ مەن تاغدا ساڭا كۆرسەتكەن نۇسخىدا تاختايدىن ياسالسۇن. - ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئەتراپىنى توسۇپ ھويلا قىلىش ئۈچۈن، كەندىر يىپتىن پەردە توقۇلسۇن. جەنۇب تەرەپتىكى پەردىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك مېتىر قىلىنسۇن. پەردىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن، يىگىرمە دانە تۇچ تۈۋرۈك ھەم ئۇلارنىڭ تېگىگە قويغىلى يىگىرمە دانە تۇچ پۇت ياسالسۇن. پەردىلەرنى بېكىتىدىغان تۈۋرۈكنىڭ ئىلمەكلىرى بىلەن ھالقىلىرى كۈمۈشتىن ياسالسۇن. شىمال تەرەپكىمۇ پەردە ئورنىتىلسۇن. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ ئەللىك مېتىر قىلىنىپ، پەردىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن، يىگىرمە دانە تۇچ تۈۋرۈك ھەم ئۇلارنىڭ تېگىگە قويغىلى يىگىرمە دانە تۇچ پۇت ياسالسۇن. پەردىلەرنى بېكىتىدىغان تۈۋرۈكنىڭ ئىلمەكلىرى بىلەن ھالقىلىرى كۈمۈشتىن ياسالسۇن. غەرب تەرەپتىكى پەردىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مېتىر قىلىنسۇن. پەردىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن، ئون دانە تۇچ تۈۋرۈك ھەم ئۇلارنىڭ تېگىگە قويغىلى ئون دانە تۇچ پۇت ياسالسۇن. ھويلىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى پەردىنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ يىگىرمە بەش مېتىر بولسۇن. كىرىش ئاغزى شەرق تەرەپتە بولسۇن. كىرىش ئاغزىنىڭ بىر تەرىپىدىكى پەردىنىڭ كەڭلىكى يەتتە يېرىم مېتىر بولسۇن. پەردىنى بېكىتىش ئۈچۈن ئۈچ تۈۋرۈك ۋە ئۈچ پۇت ياسالسۇن. يەنە بىر تەرىپىدىكى پەردىنىڭ كەڭلىكى يەتتە يېرىم مېتىر بولسۇن. ئۇنىڭغىمۇ ئۈچ دانە تۇچ تۈۋرۈك، ئۇلارنىڭ تېگىگە قويغىلى ئۈچ دانە تۇچ پۇت ياسالسۇن. كىرىش ئاغزى ئۈچۈن كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ ۋە كەندىر يىپتىن كەڭلىكى ئون مېتىرلىق پەردە توقۇلسۇن. كەشتىچىلەر ئۇنى كەشتىلىسۇن. پەردە تۆت دانە پۇتقا بېكىتىلگەن تۆت تۈۋرۈككە ئورۇنلاشتۇرۇلسۇن. ھويلىنىڭ تۆت ئەتراپىدىكى بارلىق تۈۋرۈكلەرنىڭ ھەممىسىدە كۈمۈش ھالقا ۋە ئىلمەك بولسۇن. تۈۋرۈكنىڭ پۇتلىرى تۇچتىن ياسالسۇن. ھويلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك مېتىر، كەڭلىگى يىگىرمە بەش مېتىر، ھويلا پەردىسىنىڭ ئېگىزلىكى ئىككى يېرىم مېتىر بولسۇن. پەردىلەر كەندىر يىپتىن توقۇلسۇن. تۈۋرۈكنىڭ پۇتلىرى بولسا تۇچتىن ياسالسۇن. ئىبادەت چېدىرىدىكى بارلىق جابدۇقلار ھەمدە چېدىردىكى ۋە ھويلىدىكى قوزۇقلارنىڭ ھەممىسى تۇچتىن ياسالسۇن. - چىراغنىڭ ھەمىشە يېنىپ تۇرۇشى ئۈچۈن، ئىسرائىللارغا ساپ زەيتۇن يېغى كەلتۈرۈشنى بۇيرۇغىن. ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدىكى پەردىنىڭ سىرتىغا چىراغ ياندۇرۇپ قويسۇن. بۇ چىراغ مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا كەچقۇرۇندىن سەھەرگىچە يېنىقلىق تۇرسۇن. ئىسرائىللار ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە بۇ نىزامغا ئەمەل قىلسۇن. - ئىسرائىللار ئىچىدىن ئاكاڭ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ناداب، ئابىھۇ، ئەلىئازار ۋە ئىتامارلارنى ماڭا روھانىيلىق قىلىش ئۈچۈن تەيىنلىگىن. ئاكاڭ ھارۇننىڭ سالاپىتى ۋە ھۆرمىتى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا مۇقەددەس روھانىيلىق كىيىمى تەييارلىغىن. ھارۇننىڭ ماڭا روھانىيلىق قىلىشقا ئاجرىتىلىشى ئۈچۈن، مەن ئىقتىدارلىق قىلغان بارلىق ئۇستىلارنى ئۇنىڭ كىيىملىرىنى تىكىشكە بۇيرۇغىن. ئۇلار كۆكرەكلىك، ئېفود، پەرىجە، كەشتىلەنگەن تونچە كۆينەك، سەللە ۋە كەمەرلەرنى تىكىپ تەخ قىلسۇن. ئۇلار بۇ مۇقەددەس كىيىم-كېچەكلەرنى ئاكاڭ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ماڭا روھانىيلىق قىلىدىغان ئوغۇللىرى ئۈچۈن تەييارلىسۇن. ئۇستىلار بۇلارنى زەر يىپ، كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ ۋە كەندىر يىپ قاتارلىقلار بىلەن تىكسۇن. - ئېفود زەر يىپ، كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ ۋە كەندىر يىپتىن توقۇلغان رەختتىن قولى چېۋەر ئۇستىلار تەرىپىدىن تىكىلسۇن. ئېفودنىڭ ئىككى دانە مۈرە تاسمىسى بولسۇن. ئۇنىڭ ئالدى ۋە كەينى قىسمى بۇ ئىككى تاسما ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلسۇن. ئۇنىڭدىن باشقا، كەمەر تەييارلانسۇن. كەمەر زەر يىپ، كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ ۋە كەندىر يىپتىن توقۇلغان رەختتىن ئۇستىلىق بىلەن تىكىلسۇن. ئىككى دانە يوللۇق ھېقىق تېپىپ كېلىنىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ ئىسىملىرى ئويۇلسۇن. ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى تۇغۇلۇش تەرتىپى بويىچە ھەربىر تاشقا ئالتىدىن ئويۇلسۇن. ئىسىملار ئۇستىلار تەرىپىدىن مۆھۈرگە ئويۇلغان نەقىشلەردەك ئويۇلۇپ، ئىككى دانە ئالتۇن كۆزلۈككە قويۇلسۇن. ئاندىن، ئۇلار ئېفودنىڭ ئىككى دانە مۈرە تاسمىسىغا قادىلىپ، ئىسرائىللارنىڭ خاتىرە تېشى قىلىنسۇن. ھارۇن ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى مۈرىسىگە مانا مۇشۇنداق ئېلىپ، مەن - پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خاتىرە قىلسۇن. - خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلىش ئۈچۈن كىيىلىدىغان كۆكرەكلىك قولى چېۋەر ئۇستىلار تەرىپىدىن تىكىلسۇن. تىكىلىش ئۇسۇلى ئېفود بىلەن ئوخشاش بولۇپ، زەر يىپ، كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ ۋە كەندىر يىپ بىلەن تىكىلسۇن. كۆكرەكلىكنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى ئوخشاشلا يىگىرمە ئىككى سانتىمېتىردىن قىلىنىپ، تۆت چاسا ھەم ئىككى قات، يەنى يانچۇقلۇق قىلىپ تىكىلسۇن. ئۈستىگە تۆت قۇر قىممەتلىك تاش ئورنىتىلسۇن. بىرىنچى قۇرىغا قىزىل ياقۇت، توپاز ۋە زۇمرەت ئورنىتىلسۇن. ئىككىنچى قۇرىغا كۆك قاشتاش، كۆك ياقۇت ۋە ئالماس ئورنىتىلسۇن. ئۈچىنچى قۇرىغا سۆسۈن ياقۇت، ھېقىق ۋە سۆسۈن كۋارتس ئورنىتىلسۇن. تۆتىنچى قۇرىغا رەڭسىز ياقۇت، يوللۇق ھېقىق ۋە يېشىل قاشتاش ئورنىتىلسۇن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالتۇن كۆزلۈككە ئېلىنىپ، كۆكرەكلىككە قادالسۇن. ئىسرائىللارنىڭ ئۇن ئىككى قەبىلىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ ئون ئىككى قىممەتلىك تاشقا ئۇن ئىككى قەبىلىنىڭ ئىسمى خۇددى مۆھۈرگە ئويۇلغان نەقىشلەردەك بىردىن ئويۇلسۇن. كۆكرەكلىكنى ئېفودقا بېكىتىش ئۈچۈن، ساپ ئالتۇندىن ئېشىلگەن شوينىدەك ئىككى تال زەنجىر سوقۇلسۇن. كۆكرەكلىكنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى ئىككى بۇرجىكىنىڭ ھەربىرىگە بىردىن ئالتۇن ھالقا بېكىتىلسۇن. زەنجىرلەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئالتۇن ھالقىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، ئېفود تاسمىسىنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى ئىككى ئالتۇن كۆزلۈككە ئۇلانسۇن. كۆكرەكلىكنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى ئىككى بۇرجەكنىڭ ئېفودقا تېگىپ تۇرىدىغان ئىچكى يۈزىگە ئىككى دانە ئالتۇن ھالقا بېكىتىلسۇن. شۇنداقلا، يەنە ئېفودنىڭ بەل قىسمىغا، يەنى كەمەرنىڭ يۇقىرىسىغىلا ئىككى دانە ئالتۇن ھالقا بېكىتىلسۇن. بىر تال كۆك يىپ ئارقىلىق كۆكرەكلىكتىكى ھالقىلار بىلەن ئېفودتىكى ھالقىلار ئۆزئارا ئۇلانسۇن. مۇشۇنداق بولغاندا، كۆكرەكلىك پۇلاڭلاپ كەتمەي، ئېفودقا چاپلىشىپ تۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ھارۇن ئىبادەت چېدىرىدىكى مۇقەددەس جايغا كىرگەندە، ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنىڭ ئىسمى ئويۇلغان كۆكرەكلىكنى خۇدانىڭ ئالدىدا خاتىرە سۈپىتىدە ھەر دائىم مەيدىسىگە ئېسىۋالسۇن. بۇنىڭدىن سىرت، يەنە «ئۇرىم» ۋە «تۇممىم»لارنى كۆكرەكلىكنىڭ ئىچىگە سېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خاتىرە سۈپىتىدە مەيدىسىگە ئېسىۋالسۇن. مۇشۇنداق قىلغاندا، ھارۇن چېدىردىكى مۇقەددەس جايغا كىرگەندە، ھەر دائىم ئىسرائىللارغا قارىتىلغان خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلدۈرىدىغان نەرسىلەرنى مەيدىسىگە ئېسىۋالغان بولىدۇ. - ئېفودنىڭ ئىچىگە كىيىلىدىغان پەرىجە تىكىلسۇن. پەرىجىنىڭ رەڭگى پۈتۈنلەي كۆك بولسۇن. پەرىجىگە ئويما ياقا ئېچىپ، يىرتىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ياقىنىڭ چۆرىسىگە پەۋاز تۇتۇلسۇن. ھارۇن روھانىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن چاغدا، بۇ پەرىجىنى كىيىۋالسۇن. مۇشۇنداق بولغاندا، ئۇ مۇقەددەس جايغا كىرىپ چىققاندا، مەن قوڭغۇراق ئاۋازىنى ئاڭلايمەن-دە، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ جېنىنى ئالمايمەن. ساپ ئالتۇندىن بىر قاداق ياسالسۇن، ئۇنىڭ ئۈستىگە «پەرۋەردىگارغا ئاتالدى» دېگەن خەتلەر مۆھۈرگە ئويۇلغاندەك ئويۇلسۇن. قاداق بىر تال كۆك رەڭلىك يىپ بىلەن سەللىنىڭ ئالدىغا تاقاپ قويۇلسۇن. ھارۇن بۇ ئالتۇن قاداقنى پېشانىسىگە دائىم تاقىۋېلىش ئارقىلىق، كۆپچىلىكنىڭ قۇربانلىق قىلىش بىلەن ئۆزلىرىنى گۇناھكار ھېسابلىغانلىقىدىكى ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقىنى بىلدۈرسۇن. بۇ ئالتۇن قاداق ھارۇننىڭ پېشانىسىدە دائىم بولسۇن. مۇشۇنداق بولغاندا، كۆپچىلىك خۇدا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ. ھارۇن ئۈچۈن كەندىر يىپتىن تونچە كۆينەك ۋە سەللە توقۇلسۇن ھەم كەمەر كەشتىلەنسۇن. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈنمۇ شۇنداق قىلىنسۇن. شۇنداق بولغاندا، ئۇلار سالاپەتلىك كۆرۈنۈپ، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ. ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى روھانىيلىق كىيىملىرىنى كىيگەندىن كېيىن، سەن ئۇلارنىڭ بېشىغا مۇقەددەس ياغ سۈركە ۋە روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلە. ئۇلارنى ماڭا روھانىيلىق قىلىش ئۈچۈن ئاجرات. بۇنىڭدىن باشقا، كەندىر يىپتىن ئۇلار ئۈچۈن تامبال تىكتۈرۈلسۇن. تامبال بەلدىن تىزغىچە كېلىدىغان قىلىپ تىكىلىپ، ئاستىنقى بەدەننى يېپىپ تۇرسۇن. ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىپ-چىققاندا ياكى ئۇنىڭ ئىچىدىكى مۇقەددەس جايدا ۋەزىپىسىنى ئۆتەش ئۈچۈن قۇربانلىق سۇپىسىغا يېقىنلاشقاندا گۇناھ ئۆتكۈزۈپ ئۆلۈمگە بۇيرۇلماسلىقى ئۈچۈن، تامبال كىيىۋالسۇن. مانا بۇ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى مەڭگۈ بويسۇنىدىغان نىزام بولسۇن. - ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە ئاجراتقاندا، تۆۋەندىكى رەسىم-قائىدە بويىچە ئىش كۆر: ئەركەك موزايدىن بىرنى ۋە ئەيىبسىز قوچقاردىن ئىككىنى تاللا. يەنە ئەڭ ياخشى بۇغداي ئۇنىدىن پېتىر نان، ماي قوشۇلغان پېتىر توقاچ ۋە ماي سۈرتۈلگەن پېتىر چەلپەكلەر تەييارلا. بۇ نانلارنى سېۋەتكە سېلىپ، پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرىغا ئېلىپ كەل ھەم ئەركەك موزاي ۋە ئىككى دانە قوچقارنىمۇ يېتىلەپ كەل. ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى چېدىرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، بەدەنلىرىنى يۇغىن. ئاندىن، ھارۇنغا تونچە كۆينەك، پەرىجە ۋە ئېفودنى كىيدۈر. شۇنداقلا، ئۇنىڭغا كۆكرەكلىكنى تاقاپ، نەپىس توقۇلغان ئېفود كەمىرىنى باغلاپ قويغىن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، سەللىنى كىيدۈرۈپ، سەللىنىڭ ئالدىغا ئالتۇن قاداقنى تاقاپ قويغىن. ئۇنىڭدىن كېيىن، مۇقەددەس ياغنى ئۇنىڭ بېشىغا قۇيۇپ، ئۇنى روھانىي قىلىپ تەيىنلىگىن. ئاندىن، ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنىڭمۇ پەرىجىلىرىنى ۋە سەللىلىرىنى كىيدۈرۈپ، كەمەرلىرىنى باغلا. مۇشۇنداق بولغاندا، ئۇلار مانا بۇ مەڭگۈلۈك قائىدە بويىچە روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە ئېرىشىدۇ. سەن مانا مۇشۇنداق قائىدە بويىچە ئۇلارنى مۇقەددەس ۋەزىپىگە ئاجرات. - سەن ئەركەك موزاينى پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەل. ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى موزاينىڭ بېشىغا قويسۇن. سەن چېدىر ئاغزى ئالدىدا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا موزاينى بوغۇزلا، ئاندىن قېنىدىن ئازراق ئېلىپ كېلىپ، بارمىقىڭ بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت بۇرجىكىدىكى مۈڭگۈزلەرگە سۈركەپ قويغىن. قالغان قاننى سۇپىنىڭ ئاياغ تەرىپىگە تۆك. موزاينىڭ چاۋا مېيى، جىگىرىنىڭ ئەڭ ياخشى يېرى ۋە ئىككى بۆرىكىنى مايلىرى بىلەن قوشۇپ سۇپىدا كۆيدۈر. لېكىن، موزاينىڭ تېرىسى، گۆشى ۋە ئىچكى ئەزالىرىنى قارارگاھنىڭ سىرتىدا كۆيدۈر. مانا بۇ گۇناھ كەچۈرۈم بولۇش قۇربانلىقىدۇر. قوچقارلاردىن بىرنى ئېلىپ كەل، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى قوچقارنىڭ بېشىغا قويسۇن. ئاندىن قوچقارنى بوغۇزلاپ، قېنىنى سۇپىنىڭ تۆت تەرىپىگە چاچ. ئاندىن، قوچقارنى پارچىلاپ، ئۇنىڭ ئۈچەي-باغىرلىرى ۋە پۇتلىرىنى پاكىز تازىلاپ، ئۇلارنى قۇربانلىق سۇپىسىغا قويغىن. ئاندىن كېيىن، ئۇلارنى كۆيدۈرگىن. مانا بۇ، خۇداغا ئاتالغان خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىقتۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئىككىنچى قوچقارنى يېتىلەپ كەل. ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى ئۇنىڭ بېشىغا قويسۇن. سەن بۇ قوچقارنى بوغۇزلاپ، قېنىدىن ئازراق ئېلىپ، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغا، ئوڭ قولىنىڭ ۋە ئوڭ پۇتىنىڭ باشمالتىقىغا سۈركەپ قوي. ئېشىپ قالغان قاننى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چاچ. ئاندىن، مۇقەددەس ياغ ۋە سۇپىدىكى قاندىن ئازراق ئېلىپ، قولۇڭ بىلەن ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ھەم ئۇلارنىڭ كىيىملىرىگە سەپكىن. مۇشۇنداق بولغاندا، ئۇلار ھەم ئۇلارنىڭ كىيىملىرىمۇ مۇقەددەس بولىدۇ. بۇ قوچقار ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ روھانىيلىققا ئاجرىتىلىشىغا ئىشلىتىلگەنلىكتىن، سەن ئۇنىڭ مېيى، يەنى قۇيرۇقى، چاۋا مېيى، بۆرەك مېيى، شۇنداقلا ئىككى تال بۆرىكى، جىگىرىنىڭ ئەڭ ياخشى يېرى ۋە ئوڭ يانپىشىنى ئايرىۋال. بۇنىڭدىن سىرت، يەنە پەرۋەردىگارغا ئاتالغان سېۋەت ئىچىدىكى پېتىر نان، مايلىق پېتىر توقاچ ۋە نېپىز پېتىر چەلپەكلەرنىڭ ھەرقايسىسىدىن بىردىن ئېلىپ، ئۇلارنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قولىغا تۇتقۇز. ئۇلار بۇ نەرسىلەرنى تۇتۇپ تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلىتىپ ئاتىسۇن. مانا بۇ پۇلاڭلاتما قۇربانلىقتۇر. ئاندىن، سەن بۇ نەرسىلەرنى ئۇلارنىڭ قولىدىن ئېلىپ، سۇپىغا قويۇپ كۆيدۈرۈپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىش بىلەن بىللە، پەرۋەردىگارنى خۇرسەن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق پۇلاڭلاتما قۇربانلىقنى قىل. روھانىيلىققا ئاجرىتىش مۇراسىمىغا ئىشلىتىلگەن قوچقارنىڭ تۆش گۆشىنى قولۇڭغا ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلات. قوچقارنىڭ قالغان گۆشى سېنىڭ بولىدۇ. روھانىيلىققا ئاجرىتىش مۇراسىمىغا ئىشلىتىلگەن قوچقارنىڭ گۆشى، يەنى پۇلاڭلاتما قۇربانلىققا ئىشلىتىلگەن تۆش گۆش ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈپ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان يانپاش گۆشلەر مۇقەددەس قىلىنسۇن ھەم ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋە بولسۇن. شۇڭا، بۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىللار ئامانلىق قۇربانلىقىنى بەرگەندە، ئۇ ئىككى خىل گۆش ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ نېسىۋىسى بولىدۇ. ھارۇننىڭ ئورنىنى باسىدىغانلار ئۇنىڭ مۇقەددەس كىيىملىرىگە ۋارىسلىق قىلسۇن. ئۇلار مۇقەددەس ياغ بىلەن سۈركىلىپ روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىپ، ئۇنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرغاندا، بۇ كىيىملەرنى كىيسۇن. ھارۇننىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغان ئوغلى ھەر قېتىم پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرى ئىچىدىكى مۇقەددەس جايغا كىرىپ روھانىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندە، بۇ مۇقەددەس كىيىمنى ئۇدا يەتتە كۈن كىيسۇن. روھانىيلىققا ئاجرىتىش مۇراسىمىغا ئىشلىتىلگەن قوچقارنىڭ گۆشى ئىبادەت جايى ئىچىدە پىشۇرۇلسۇن. ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوچقارنىڭ گۆشى ۋە سېۋەتتىكى نانلارنى پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئاغزى ئالدىدا يېسۇن. ئۇلار گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش ھەم روھانىيلىققا ئاجرىتىش مۇراسىمىدا ئىشلىتىلگەن مۇشۇ تائاملارغا پەقەت ئۆزلىرىلا ئېغىز تەگسۇن. ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئېغىز تېگىشىگە بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ تائاملار مۇقەددەس قىلىنغان. ئەگەر گۆش ۋە نانلار ئەتىسى سەھەرگىچە يېيىلمىگەن بولسا، يېمەي كۆيدۈرۈۋېتىلسۇن. چۈنكى، بۇ تائاملار مۇقەددەستۇر. سەن مېنىڭ ئەمرىم بويىچە ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يەتتە كۈنگىچە ۋەزىپە ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈز. ھەر كۈنى، بىر موزاينى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئورنىدا بوغۇزلا. ئاندىن، قۇربانلىق سۇپىسىنى پاكلاپ، ئۇنى مۇقەددەس قىلىش ئۈچۈن، ياغلا. قۇربانلىق سۇپىسىنى ئۇدا يەتتە كۈنگىچە پاكلاپ، مۇقەددەس قىل. شۇنداق قىلغاندا، ئۇ پۈتۈنلەي مۇقەددەس بولىدۇ. قۇربانلىق سۇپىسىغا تەگكەننىڭ ھەممىسى مۇقەددەس بولىدۇ. - ھەر كۈنى قۇربانلىق سۇپىسىدا بىر ياشلىق قويدىن ئىككىسى قۇربانلىق قىلىنسۇن. ئۇلارنىڭ بىرى ئەتىگەندە، بىرى كەچقۇرۇن قۇربانلىق قىلىنسۇن. بىرىنچى قوي قۇربانلىق قىلىنغاندا، ئىككى كىلو بۇغداي ئۇنى بىر لىتىر زەيتۇن يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئاتالسۇن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەنە بىر لىتىر شارابمۇ ئىچىملىك ھەدىيىسى سۈپىتىدە ئاتالسۇن. يەنە بىر قوي كەچقۇرۇن قۇربانلىق قىلىنسۇن. بۇمۇ ئەتىگەندىكى بۇغداي ۋە ئىچىملىك ھەدىيىسىگە ئوخشاش قائىدىدە قۇربانلىق قىلىنىپ، خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە پەرۋەردىگارغا ئاتالسۇن. كۆيدۈرمە قۇربانلىق پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئاغزىدا مېنىڭ - پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرسۇن. مەن بۇ يەردە خەلقىمگە ئۆزۈمنى ئاشكارىلاپ، سەن بىلەن سۆزلىشىمەن. بۇ يەر مېنىڭ ئىسرائىللار بىلەن ئۇچرىشىدىغان يېرىمدۇر. بۇ يەر مېنىڭ پارلاق نۇرۇم بىلەن مۇقەددەس بولىدۇ. مەن پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرى ۋە قۇربانلىق سۇپىسىنىلا مۇقەددەس قىلىپ قالماستىن، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ماڭا روھانىيلىق قىلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىمۇ مۇقەددەس قىلىمەن. مەن ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. ئۇلار مېنىڭ ئۆزلىرىنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان خۇدا ئىكەنلىكىمنى بىلىدۇ ھەمدە مېنىڭ ئۇلارنى مىسردىن ئېلىپ چىقىشىم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇشۇم ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ. مەن مەڭگۈ بار بولغۇچى پەرۋەردىگاردۇرمەن. ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بىر ئىسرىقدان ياساڭلار. ئىسرىقدان تۆت چاسا بولسۇن، ئېگىزلىكى بىر، ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى يېرىم مېتىردىن قىلىنسۇن. ئىسرىقداننىڭ تۆت بۇرجىكىدىكى مۈڭگۈزلەر ئىسرىقدان بىلەن بىر پۈتۈن قىلىپ ياسالسۇن. ئۇنىڭ ئۈستى، تۆت ئەتراپى ۋە تۆت مۈڭگۈزى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلىنىپ، چۆرىسىگە ئالتۇن جىيەك قويۇلسۇن. ئىسرىقداننى كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، ئىككى ئالتۇن ھالقا ياسىلىپ، ئىككى ياندىكى جىيەكلەرنىڭ ئاستىغا بېكىتىلسۇن. بالداقلار ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىلىپ، ئالتۇن بىلەن قاپلانسۇن. ئىسرىقدان ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدىكى پەردىنىڭ سىرتىدا، ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى «مېھىر-شەپقەت تەختى»گە قارىتىپ قويۇلسۇن. ئۇ يەر مەن سىلەر بىلەن ئۇچرىشىدىغان يەردۇر. ھەر كۈنى ئەتىگەنلىكى باش روھانىي ھارۇن چىراغلارنى رەتلىگىلى كەلگەندە، ئىسرىقداندا خۇشبۇي ئىسرىقلارنى كۆيدۈرسۇن. كەچقۇرۇن چىراغلار يېقىلغاندىمۇ ئىسرىق سېلىنسۇن. ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئۈزمەي مۇشۇنداق ئىسرىق سېلىنىپ تۇرسۇن. بۇ ئىسرىقداندا مەنئى قىلىنغان ئىسرىقلار كۆيدۈرۈلمىسۇن ھەمدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق، بۇغداي ياكى ئىچىملىك ھەدىيىسى قىلىنمىسۇن. ھارۇن يىلدا بىر قېتىم گۇناھ يۇيۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلالايدىغان مال قېنىنى ئىسرىقداننىڭ تۆت مۈڭگۈزىگە سەپسۇن. بۇ مۇراسىم ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە داۋاملاشتۇرۇلسۇن. چۈنكى بۇ تولۇق مۇقەددەس قىلىنغان، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئىسرىقداندۇر. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: - سەن ئىسرائىللارنىڭ نوپۇسىنى تەكشۈرگەن ۋاقتىڭدا، رويخەتكە ئېلىنغان ھەربىر ئەر ئۆزلىرىنىڭ بالا-قازادىن ساقلىنىشى ئۈچۈن، شۇ مەيداندا مەن - پەرۋەردىگارغا ھاياتلىق تۆلەم پۇلى تاپشۇرسۇن. رويخەتكە ئېلىنغانلار رەسمىي ئۆلچەم بويىچە كىشى بېشىغا ئالتە گرامدىن كۈمۈش تاپشۇرسۇن. بۇ، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ھەدىيە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يىگىرمە ياشتىن ئاشقانلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارغا ھەدىيە تاپشۇرۇشى كېرەك. جېنىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بېرىلىدىغان بۇ خىل ھەدىيىنى بايلار ئارتۇق تاپشۇرۇۋەتمىسۇن. كەمبەغەللەرمۇ كەم تاپشۇرۇپ قويمىسۇن. گۇناھنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن يىغىۋېلىنغان پۇللار پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ خىراجىتى قىلىنسۇن. بۇ پۇللار ماڭا ئۇلارنى ياد ئەتكۈزىدۇ ۋە ئۇلارنى گۇناھتىن ساقىت قىلىدۇ. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: - تۇچتىن بىر داس ياسىتىلسۇن ۋە داس قويغۇچمۇ تۇچتىن قۇيدۇرۇلۇپ، ئۇلار پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇلسۇن ھەم داسقا سۇ قۇيۇپ قويۇلسۇن. ئۇلار پۇت-قولىنى يۇغاندىلا، ئۆلۈمدىن خالىي بولىدۇ. بۇ، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى مەڭگۈ رىئايە قىلىدىغان قائىدە بولسۇن. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: - رەسمىي ئۆلچەم بويىچە ئەڭ ئېسىل خۇشبۇي دورا-دەرمەكلەردىن، يەنى مۇرمەككى سۇيۇقلۇقىدىن ئالتە كىلو، گۈل دارچىندىن ئۈچ كىلو، ئېگىردىن ئۈچ كىلو، قوۋزاقدارچىندىن ئالتە كىلو ۋە زەيتۇن يېغىدىن تۆت لىتىر تەييارلىنىپ، خۇشبۇي دورا-دەرمەكلەرنى تەڭشەش ئۇسۇلى بويىچە ئارىلاشتۇرۇلۇپ، مۇقەددەس ياغ ياسالسۇن. بۇ ياغ بىلەن پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرى، ئەھدە ساندۇقى، شىرە ۋە ئۇنىڭ سايمانلىرى، چىراغدان ۋە ئۇنىڭ سايمانلىرى، ئىسرىقدان، كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسى ۋە سۇپىنىڭ بارلىق سايمانلىرى، پاكلىنىش دېسى ۋە داس قويغۇچ قاتارلىقلار ياغلىنىپ، تەلتۆكۈس مۇقەددەس قىلىنسۇن. بۇ نەرسىلەرگە تەگكەن نەرسىلەرمۇ مۇقەددەس بولىدۇ. ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ماڭا ئاجرىتىلىپ، مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا روھانىيلىق قىلىشى ئۈچۈن، يەنە مۇشۇ ياغ بىلەن ئۇلارنى ياغلاپ قويغىن. ئىسرائىللارغا شۇنى ئېيتقىنكى، بۇ ياغ ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە مۇقەددەستۇر. شۇڭا، بۇ ياغ ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلمىسۇن ھەم ئوخشىتىپ ياسالمىسۇن، چۈنكى ئۇ مۇقەددەستۇر. سىلەرمۇ ئۇنى مۇقەددەس، دەپ بىلىشىڭلار كېرەك. كىمدەكىم بۇنداق ياغنى ئۆزى ئوخشىتىپ ياسىسا ياكى روھانىيلاردىن باشقا ھەرقانداق كىشىگە سۈركىسە، ئۇ خەلقىم قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: - ئىسرىققا ئىشلىتىلىدىغان يېلىم، قۇلۇلە قېپى تالقىنى، ئاق دېۋىرقاي ۋە ساپ مەستەكلەردىن ئوخشاش مىقداردا ئېلىپ، ئۇنى ئادەتتىكى خۇشبۇي ئەتىر ياساش ئۇسۇلى بويىچە تەڭشەپ، ئاندىن ئۇنىڭغا ئازراق تۇز ئارىلاشتۇرۇپ، ساپ ۋە مۇقەددەس ئىسرىق ياسالسۇن. بۇ ئىسرىقلاردىن ئازراق ئېلىنىپ، تالقاندەك ئۇششاق يانجىلىپ، پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرى ئىچىدىكى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا قويۇلسۇن. مەن ئۇ يەردە سىلەر بىلەن ئۇچرىشىمەن. سىلەر بۇ ئىسرىقنى ئەڭ مۇقەددەس ئىسرىق، دەپ بىلىڭلار. لېكىن، سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن بۇ خىل ئۇسۇلدا ئىسرىق ياسىماڭلار. چۈنكى، بۇ خىل ئىسرىق پەقەت پەرۋەردىگارغىلا خاستۇر. ئۆزلىرى ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن بۇ خىل ئىسرىققا ئوخشىتىپ ئىسرىق ياسىغانلارنىڭ ھەممىسى خەلقىم قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ. پەرۋەردىگار خۇدا مۇساغا مۇنداق دېدى: - قارا! مەن يەھۇدا قەبىلىسىدىن خۇرنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىنىڭ ئوغلى بىزالىلنى تاللىدىم. مەن ئۇنى ئۆز روھىم بىلەن چۆمۈلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئەقىل-پاراسەت، بىلىم ۋە خىلمۇخىل ھۈنەر-سەنئەت ئىقتىدارىنى ئاتا قىلدىم. ئۇ ھازىر خىلمۇخىل ھۈنەرلەرنى، يەنى ئالتۇن، كۈمۈش ۋە تۇچتىن ھەر خىل نەرسىلەرنى ياساش، قىممەتلىك تاشلارنى كېسىش ۋە ئۇلارنى زىننەت بۇيۇملىرىغا سېلىش، ياغاچلارغا نەقىش ئويۇشتەك ھۈنەرلەرنى بىلىدۇ. مەن يەنە دان قەبىلىسىدىن ئاخىساماقنىڭ ئوغلى ئوھولىيابنى ئۇنىڭغا ياردەمچىلىككە تەيىنلىدىم. شۇنىڭدەك، بارلىق ئۇستا ھۈنەرۋەنلەرگىمۇ تېخىمۇ كۆپ ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلىپ، ئۇلارغا مەن تاپىلىغان نەرسىلەرنى ياساش قابىلىيىتىنى بەردىم. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى: پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرى، ئەھدە ساندۇقى ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە قويۇلىدىغان ساندۇق ئاغزى، يەنى «مېھىر-شەپقەت تەختى» ھەم چېدىر ئىچىدىكى بارلىق سايمانلارنى، شىرە ۋە شىرەنىڭ سايمانلىرىن ى، ساپ ئالتۇندىن ياسىلىدىغان چىراغدان ۋە چىراغداننىڭ سايمانلىرىنى ھەمدە ئىسرىقدان، كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسى ۋە سۇپىدىكى بارلىق سايمانلارنى، شۇنداقلا پاكلىنىش دېسى ۋە داس قويغۇچنى ياساش، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى روھانىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندە كىيىدىغان نەپىس مۇقەددەس كىيىملەرنى تىكىش، مۇقەددەس ياغ ۋە مۇقەددەس جايدا ئىشلىتىلىدىغان خۇشبۇي ئىسرىق ياساش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مېنىڭ ئەمرىم بويىچە قىلسۇن. سىلەر دەم ئېلىش كۈنىگە قاتتىق رىئايە قىلىڭلار. چۈنكى، بۇ مۇقەددەس كۈن. بۇ كۈنگە ئەمەل قىلماي، ئادەتتىكى كۈندىكىدەك ئىشلىگەنلەر ئىسرائىل قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلىپ، ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلسۇن. ئىش قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئالتە كۈن بار. لېكىن، يەتتىنچى كۈنى ماڭا ئاتىلىدىغان دەم ئېلىش كۈنىدۇر. بۇ كۈنى ئىش قىلغانلىكى كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلسۇن. ئىسرائىللار تۈزۈلگەن ئەھدىنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە بۇ كۈنگە مەڭگۈ قاتتىق رىئايە قىلسۇن. بۇ، مەن بىلەن ئىسرائىللار ئوتتۇرىسىدىكى مەڭگۈلۈك بەلگىدۇر. چۈنكى، مەن - پەرۋەردىگار ئالتە كۈندە پۈتۈن ئالەمنى ياراتتىم، يەتتىنچى كۈنى ئىشنى توختىتىپ ئارام ئالدىم. خۇدا سىناي تېغىدا مۇساغا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختىنى ئۇنىڭغا تاپشۇردى. تاشقا خۇدا پەرزلەرنى ئۆز قولى بىلەن يازغانىدى. ئىسرائىللار مۇسانىڭ شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى تاغدىن چۈشمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ھارۇننىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋېلىپ، ئۇنىڭغا: - تۇرۇڭ! بىزگە يول باشلاپ ماڭىدىغان بۇت ياساپ بېرىڭ! بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ھېلىقى مۇسانىڭ نېمە بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمىدۇق، - دېيىشتى. ھارۇن ئۇلارغا: - خوتۇن، بالا-چاقىلىرىڭلارنىڭ قۇلىقىدىكى ئالتۇن ھالقىلارنى ماڭا ئەكېلىپ بېرىڭلار، - دېدى. ئۇلار ئالتۇن ھالقىلارنى ئېلىپ، ھارۇننىڭ ئالدىغا كېلىشتى. ھارۇن ھالقىلارنى ئىشلىتىپ، موزاي سۈرىتىدە بىر بۇت ياسىدى. خالايىق: - ئەي ئىسرائىل خەلقى، بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ئىلاھىمىز مانا شۇ! - دېيىشتى. ھارۇن بۇنى كۆرۈپ، ئالتۇن موزاي بۇتنىڭ ئالدىغا بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ: - ئەتە پەرۋەردىگار ئۈچۈن ھېيت قىلىمىز، - دەپ ئېلان قىلدى. ئەتىسى سەھەردە، خەلق كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقىنى قىلدى. ئاندىن كېيىن، ئولتۇرۇپ خالىغانچە يەپ-ئىچىشىپ، كەيپ-ساپا قىلىشتى. پەرۋەردىگار مۇساغا: - سەن دەرھال تاغدىن چۈشكىن! چۈنكى، سەن مىسىردىن ئېلىپ چىققان خەلقىڭ گۇناھقا تولدى. ئۇلار مەن كۆرسەتكەن يولدىن چەتنەپ كەتتى. ئۇلار ئالتۇندىن موزاي سۈرىتىدە بۇت ياساپ، ئۇنىڭغا چوقۇنۇپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشتى. ئۇلار: «بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ئىلاھىمىز مانا شۇ» دېيىشتى. مەن بۇ خەلقنىڭ ئىنتايىن بوينى قاتتىقلىقىنى بىلدىم. ئەمدى سەن مېنىڭ ئىشىمغا ئارىلاشما، مەن ئۇلارغا غەزىپىمنى چۈشۈرۈپ ھالاك قىلىۋېتىمەن. سېنى ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى بولسا چوڭ خەلق قىلىمەن، - دېدى. لېكىن، مۇسا پەرۋەردىگارى بولغان خۇداغا مۇنداق دېدى: - ئى پەرۋەردىگار، ئۆز خەلقىڭگە نېمىشقا بۇنداق غەزەپلىنىسەن؟ ئۇلارنى سەن زور قۇدرىتىڭ بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىقمىغانمىدىڭ؟ نېمە ئۈچۈن مىسىرلىقلارغا «خۇداسى ئۇلارنى تاغ-دالالاردا پۈتۈنلەي ھالاك قىلىپ، يەر يۈزىدىن يوقىتىش ئۈچۈن، مەقسەتلىك ھالدا مىسىردىن ئېلىپ چىققانىكەن» دېيىشكە سەۋەب تېپىپ بېرىسەن؟ غەزىپىڭنى بېسىۋېلىپ، نىيىتىڭدىن يانغايسەن. ئۆز خەلقىڭگە چوڭ بالايىئاپەت چۈشۈرمىگەيسەن. خىزمەتكارلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارنى ئەسلىگەيسەن. سەن ئۆز نامىڭ بىلەن قەسەم قىلىپ، ئۇلارغا: «ئەۋلادىڭنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ قىلىمەن، بۇ پۈتۈن زېمىننى سېنىڭ ئەۋلادىڭغا مەڭگۈلۈك مىراس قىلىپ بېرىمەن» دېگەنىدىڭ، - دېدى. بۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگار نىيىتىدىن يېنىپ، ئۆز خەلقىگە بالايىئاپەت چۈشۈرمىدى. مۇسا ئىككى يۈزىگە پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختىنى ئېلىپ تاغدىن چۈشتى. بۇ ئىككى تاش تاختىغا خۇدا ئۆزى ئەجىر سىڭدۈرۈپ، ئۇنىڭغا پەرزلەرنى ئۆز قولى بىلەن يازغانىدى. يەشۇ خالايىقنىڭ چۇقان-سۈرەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ، مۇساغا: - قارارگاھتا جەڭنىڭ ئاۋازى چىقىۋاتقاندەك قىلىدۇ! - دېدى. مۇسا ئۇنىڭغا: - جەڭ غەلىبىسىنىڭ تەنتەنىسىگىمۇ، مەغلۇبىيەت پەريادىغىمۇ ئوخشىمايدۇ، بەلكى ناخشا-كۈي ساداسى! - دېدى. مۇسا قارارگاھقا يېقىن كېلىپ، موزاي بۇت ۋە ساماغا چۈشكەن خالايىقنى كۆرۈپ، غەزىپىنى باسالماي، ئېلىپ چۈشكەن ئىككى تاش تاختىنى تاغنىڭ ئېتىكىدە يەرگە تاشلاپ چېقىۋەتتى. ئاندىن، ئۇ خالايىق ياسىۋالغان موزاينى كۆيدۈرۈپ، تالقاندەك قىلىپ سۇغا چېچىۋەتتى ۋە ئىسرائىللارنى ئۇنى ئىچىشكە بۇيرۇدى. ئۇ ھارۇنغا: - بۇ كىشىلەرنى شۇنچە چوڭ گۇناھقا قويۇۋەتكۈدەك، ئۇلار ساڭا نېمە قىلغانىدى؟ - دېدى. ھارۇن مۇنداق جاۋاب بەردى: - ماڭا خاپا بولمىغايسەن. بۇ كىشىلەرنىڭ يامانلىق قىلىشقا نىيەت باغلىغانلىقىدىن سېنىڭ خەۋىرىڭ بار. ئۇلار ماڭا: «بىزگە يول باشلاپ ماڭىدىغان بۇت ياساپ بېرىڭ! بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ھېلىقى مۇسانىڭ نېمە بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمىدۇق» دېدى. مەن ئۇلارغا: «ئالتۇن زىننەت بۇيۇملىرىڭلارنى ئەكېلىڭلار» دېگەنىدىم. ئالتۇن جابدۇقلىرى بارلار ئەكېلىپ ماڭا تاپشۇردى. مەن بۇ ئالتۇن جابدۇقلارنى ئوتقا تاشلىۋىدىم، ئۇ موزاي بولۇپ چىقتى. مۇسا ھارۇننىڭ باشقۇرۇشقا ئامالسىز قالغانلىقى بىلەن، خەلقنىڭ ئۆز مەيلىچە ئىش قىلىپ، دۈشمەنلىرىنىڭ مەسخىرە نىشانى بولۇپ قالغانلىقىنى كۆردى. ئۇ قارارگاھنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ قاتتىق ئاۋاز بىلەن: - پەرۋەردىگار تەرەپتە تۇرىدىغانلار مەن تەرەپكە كېلىڭلار! - دەپ توۋلىغانىدى، پۈتكۈل لاۋىيلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا يىغىلدى. مۇسا ئۇلارغا: - پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا سىلەرگە ھەممىڭلارنىڭ قىلىچ ئېسىپ، قارارگاھنىڭ بۇ چېتىدىن ئۇ چېتىگىچە ئارىلاپ، ئۆز قېرىنداشلىرىڭلار، دوست-بۇرادەرلىرىڭلار ۋە قوشناڭلارنى ئۆلتۈرۈشۈڭلارنى بۇيرۇدى، - دېدى. لاۋىيلار بۇيرۇققا بويسۇنۇپ، ئۇ كۈنى تەخمىنەن ئۈچ مىڭ كىشىنى قىرىۋەتتى. مۇسا لاۋىيلارغا: - بۈگۈن ئۆزۈڭلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتىدىڭلار. سىلەر ئۆز ئوغۇللىرىڭلار ۋە قېرىندىشىڭلارنى ئايىمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن، بۈگۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئىلتىپاتىغا مۇيەسسەر بولدۇڭلار، - دېدى. ئەتىسى، مۇسا خالايىققا: - سىلەر چوڭ گۇناھ قىلدىڭلار. ئەمدى مەن يەنە تاغقا، پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا چىقىمەن. سىلەرگە پەرۋەردىگارنىڭ كەچۈرۈمىنى تىلەيمەن، بەلكىم ئۇنىڭغا مۇيەسسەر بولالىشىم مۇمكىن، - دېدى. بۇنىڭ بىلەن، مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىپ: - بۇ خەلق چوڭ گۇناھ قىلدى. ئۇلار ئالتۇندىن بۇت ياساپ چوقۇندى. ئۇلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلغايسەن. ئۇنداق بولمىسا، ئۆز خەلقىڭنىڭ قاتارىدىن مېنىڭ ئىسمىمنى چىقىرىۋەتكەيسەن، - دېدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: - خەلقىم قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلىدىغانلار مېنىڭ ئالدىمدا گۇناھ قىلغانلاردۇر. ئەمدى سەن خەلقنى مەن ساڭا كۆرسەتكەن جايغا ئېلىپ بار. مېنىڭ پەرىشتەم ئالدىڭدا سېنى باشلاپ ماڭىدۇ. لېكىن ۋاقتى كەلگەندە، مەن ئۇلارنى ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ئۈچۈن جازالايمەن، - دەپ جاۋاب قايتۇردى. پەرۋەردىگار خەلق ئىچىگە كېسەل چۈشۈردى. چۈنكى، ئۇلار ھارۇن ياساپ بەرگەن ئالتۇن موزايغا چوقۇنغانىدى. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: - سەن ئۆزۈڭ مىسىردىن ئېلىپ چىققان خەلق بىلەن بۇ يەردىن كېتىپ، مەن ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا قەسەم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان يەرگە بارغىن. ساڭا يول باشلاشقا پەرىشتەمنى ئەۋەتىمەن. مەن قانانلار، ئامورلار، خىتلار، پەرىزىلەر، ھىۋىلار ۋە يەبۇسلارنى ھەيدەپ چىقىرىپ، سېنى سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان يەرگە ئاپىرىمەن. لېكىن، مەن سىلەر بىلەن بىللە بارمايمەن. چۈنكى، سىلەر بوينى قاتتىق خەلق بولغاچقا، مەن سىلەرنى يولدا ھالاك قىلىۋېتىشىم مۇمكىن. بۇنى ئاڭلىغان خالايىق ئىنتايىن مەيۈسلىنىپ، زىننەت بۇيۇملارنى تاقىمايدىغان بولدى. چۈنكى، پەرۋەردىگار مۇسانىڭ مۇنۇ سۆزلەرنى ئۇلارغا يەتكۈزۈپ قويۇشىنى بۇيرۇغانىدى: «سىلەر بوينى قاتتىق خەلق. ئەگەر مەن سىلەر بىلەن ئازراقلا بىللە بولسام، سىلەرنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلىۋېتىشىم مۇمكىن. ئەمدى سىلەر ئۆزۈڭلاردا بار بولغان زىننەت بۇيۇملارنى ئېلىۋېتىڭلار. مەن سىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بەلگىلەي.» شۇنىڭ بىلەن، ئىسرائىللار سىناي تېغىدىن ئايرىلغاندىن تارتىپ، زىننەت بۇيۇملارنى زادى تاقىمىدى. ھەر قېتىم ئىسرائىللار قارارگاھ قۇرغاندا، مۇسا «پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرى» دەپ ئاتالغان ئىبادەت چېدىرىنى قارارگاھتىن خېلى يىراق جايدا تىكەتتى. پەرۋەردىگارغا دۇئا-تەلەپلىرى بارلىكى كىشىلەر ئۇ يەرگە بارسا بولاتتى. مۇسا قاچانلا بولمىسۇن ئۇچرىشىش چېدىرىغا ماڭغىنىدا، خالايىق ئۆز چېدىرىنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ، مۇسانىڭ كەينىدىن تاكى ئۇ ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىپ بولغۇچە قارىشىپ تۇرۇشاتتى. مۇسا چېدىرغا كىرگەن ۋاقىتتا، بۇلۇت تۈۋرۈكى چۈشۈپ، «ئۇچرىشىش چېدىرى»~نىڭ ئالدىدا تۇراتتى. پەرۋەردىگار بۇلۇت ئىچىدىن مۇسا بىلەن سۆزلىشەتتى. خالايىق بۇلۇت تۈۋرۈكىنىڭ ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىشىك ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆرسىلا، ئۆز چېدىرلىرى ئالدىدىلا رۇسلىنىپ، خۇداغا سەجدە قىلىشاتتى. پەرۋەردىگار چېدىر ئىچىدە مۇسا بىلەن خۇددى كىشىلەر دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن سۆزلەشكەنگە ئوخشاش يۈزمۇيۈز سۆزلىشەتتى. مۇسا قارارگاھقا قايتىپ كەلگىنىدە، ئۇنىڭ ياش ياردەمچىسى نۇننىڭ ئوغلى يەشۇ چېدىردا قالاتتى. مۇسا پەرۋەردىگارغا: - سەن ماڭا بۇ خەلقنى باشلاپ بېرىشقا ئەمر قىلغانىدىڭ. لېكىن، سەن ماڭا كىمنى مەن بىلەن بىللە بېرىشقا ئەۋەتىدىغانلىقىڭنى ئېيتمىدىڭ. سەن مېنى ئالاھىدە مەقسەت بىلەن تاللىغانلىقىڭنى ۋە ماڭا بەخت ئاتا قىلغانلىقىڭنى ئېيتقانىدىڭ. ئۇنداق ئىكەن، سېنىڭ يولۇڭدا مېڭىپ، ھەمىشە ئالدىڭدا ئىلتىپات تېپىشىم ئۈچۈن، ماڭا يول كۆرسەتكەيسەن ۋە بۇ خەلقنىڭ ئۆز خەلقىڭ ئىكەنلىكىنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، - دېدى. - مەن ئۆزۈم سەن بىلەن بىللە بېرىپ، سېنى غەم-قايغۇدىن خالاس قىلاي، - دېدى پەرۋەردىگار. مۇسا ئۇنىڭغا: - ئەگەر سەن بىز بىلەن بىللە بارمىساڭ، بىزنى بۇ يەردىن ئايرىمىغايسەن. ئەگەر سەن بىز بىلەن بىللە بارمىساڭ، باشقىلار خەلقىڭنىڭ ۋە مېنىڭ پەرۋەردىگارىمىز بولغان سېنىڭ ئالدىڭدا ئىلتىپات تاپقانلىقىمىزنى نېمىدىن بىلسۇن؟! بۇنىڭدىن باشقا نېمە ئىش بىزنى دۇنيادىكى باشقا خەلقلەردىن پەرقلەندۈرەلىسۇن؟! - دەپ جاۋاب قايتۇردى. پەرۋەردىگار مۇساغا: - سېنىڭ تەلىپىڭ بويىچە ئىش كۆرىمەن. چۈنكى، سەن مېنىڭ ئىلتىپاتىمغا ئېرىشتىڭ. مەن سېنى ئالاھىدە مەقسەت بىلەن تاللىدىم، - دېدى. شۇڭا، مۇسا: - ماڭا ئۆز ئۇلۇغلۇقۇڭنى كۆرسەتكەيسەن، - دېدى. پەرۋەردىگار مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: - مەن پۈتۈن مېھرىبانلىقىمنى كۆرسىتىپ، سېنىڭ ئالدىڭدىن ئۆتۈپ، «مەڭگۈ بار بولغۇچى» دېگەن مۇقەددەس نامىمنى جاكارلايمەن. كىمگە مېھرىبانلىق قىلغۇم كەلسە، شۇنىڭغا مېھرىبانلىق قىلىمەن، كىمگە ئىچ ئاغرىتقۇم كەلسە، شۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىمەن. بىراق، ساڭا ئۆز چىرايىمنى كۆرسەتمەيمەن. چۈنكى، مېنى كۆرگەن كىشى تىرىك قالمايدۇ. لېكىن، مېنىڭ يېنىمدا بىر جاي بار. سەن ئۇ يەردىكى قورام تاشنىڭ ئۈستىدە تۇرغىن. مېنىڭ پارلاق نۇرۇم ئۇ يەردىن ئۆتىدىغان ۋاقىتتا، مەن سېنى تاشنىڭ يوچۇقىغا قويۇپ، قولۇم بىلەن يېپىپ تۇرىمەن. ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، قولۇمنى تارتىۋالىمەن. سەن مېنى كەينىمدىن كۆرىسەن. چىرايىمنى كۆرسەڭ بولمايدۇ. پەرۋەردىگار مۇساغا: - سەن ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ئىككى تاش تاختا يونۇپ كەل. سەن چېقىۋەتكەن ھېلىقى تاش تاختىدىكى سۆزلەرنى شۇ ئىككى تاختىغا يازاي، سەن ئەتە ئەتىگەنگىچە تەييار بولۇپ، سىناي تېغىغا چىقىپ، تاغنىڭ چوققىسىدا مەن بىلەن كۆرۈشكىن. ھەرقانداق كىشى سەن بىلەن بىللە چىقمىسۇن. پۈتۈن تاغدا ئادەم بولمىسۇن، ھەتتا كالا-قويمۇ تاغنىڭ تۈۋىدە ئوتلىمىسۇن، - دېدى. شۇنىڭ بىلەن، مۇسا ئىككى تاش تاختا يونۇپ، ئەتىسى سەھەردە پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇلارنى تاغقا ئېلىپ چىقتى. پەرۋەردىگار بۇلۇت ئىچىدە چۈشۈپ، مۇسانىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۆزىنىڭ «مەڭگۈ بار بولغۇچى» دېگەن مۇقەددەس نامىنى جاكارلىدى. پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ: - مەن «مەڭگۈ بار بولغۇچى»، يەنى پەرۋەردىگاردۇرمەن. مەن ئىنتايىن مېھرىبان ۋە رەھىمدىل خۇدادۇرمەن. ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيمەن، مېھىر-مۇھەببىتىم مول، ۋاپادارمەن. مىڭلىغان ئەۋلادلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمنى ئۈزۈلدۈرمەي، گۇناھ ۋە سەۋەنلىكلەرنى كەچۈرۈم قىلىمەن. لېكىن، مەن گۇناھكارلارنى جازالىماي قويمايمەن، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى تاكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ئەۋلادقىچە جازالايمەن، - دېدى. مۇسا دەرھال يەرگە باش قويۇپ سەجدە قىلدى. ئۇ: - ئى ئىگەم، ئەگەر سەن مەندىن رازى بولساڭ، بىز بىلەن بىللە بارغايسەن. بۇ خەلقنىڭ بوينى قاتتىق بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ گۇناھ ۋە سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرۈم قىلغايسەن. بىزنى ئۆز ئىگىدارچىلىقىڭغا ئالغايسەن، - دېدى. شۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: - ئەمدى مەن سىلەر بىلەن ئەھدە تۈزىمەن. مەن ئالدىڭلاردا دۇنيانىڭ ھەرقانداق جايىدىكى ھەرقانداق خەلق كۆرۈپ باقمىغان چوڭ كارامەتلەرنى كۆرسىتىمەن. سېنىڭ ئەتراپىڭدىكى خەلقلەر مېنىڭ - پەرۋەردىگارنىڭ ئەمەلىيەتلىرىنى كۆرسۇن. چۈنكى، مەن سىلەرنى دەپ قورقۇنچلۇق ئىشلارنى كۆرسىتىمەن. مەن بۈگۈن ساڭا جاكارلايدىغان ئەمرلىرىمگە رىئايە قىلغىن. سەن ئۇ يەرگە كىرگەن ۋاقتىڭدا، مەن ئامورلار، قانانلار، خىتلار، پەرىزىلەر، ھىۋىلار ۋە يەبۇسلارنى ھەيدەپ چىقىرىمەن. ئېھتىيات قىلغىنكى، سەن بارىدىغان جايدىكى ئاھالە بىلەن ھەرگىز كېلىشىم تۈزمىگىن. بولمىسا، سەن ئۇلارنىڭ قاپقىنىغا چۈشۈپ، ئۇلارغا ئوخشاش، رەزىل يولغا مېڭىپ كېتىسەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ئۆرۈۋېتىپ، ئۇلارنىڭ ئىلاھ دەپ تىكلىۋالغان تاش تۈۋرۈكلىرىنى ۋە ئاشېرە ئايال ئىلاھ بۇتلىرىنى چېقىۋەتكىن. مەندىن باشقىغا ئىبادەت قىلما، چۈنكى «قىزغانغۇچى» مېنىڭ بىر نامىم بولۇپ، مەن قىزغىنىدىغان خۇدادۇرمەن. يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن كېلىشىم تۈزمە. ئۇلار ئۆز ئىلاھلىرىغا چوقۇنغان ۋە قۇربانلىق قىلغان ۋاقىتلىرىدا سېنىمۇ تەكلىپ قىلىشى، سەنمۇ ئۆزۈڭنى پاھىشىلەردەك سېتىپ، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا ئاتىغان قۇربانلىقلىرىغا ئېغىز تېگىپ قېلىشىڭ مۇمكىن. سېنىڭ ئوغۇللىرىڭ يات خەلق قىزلىرىنى نىكاھىغا ئېلىپ، ئۆزىنى پاھىشىلەردەك سېتىپ، مەندىن يۈز ئۆرۈپ، يات ئىلاھلارغا چوقۇنۇشى مۇمكىن. چوقۇنۇش ئۈچۈن بۇت ياسىما. پېتىر نان ھېيتى قىل. مېنىڭ ئەمرىمگە بىنائەن بۇ ھېيتتا ئۇدا يەتتە كۈن پېتىر نان يە. ھېيتنى زىرائەتلەر بىخ چىقارغان باش باھار ئېيىدا ئۆتكۈز، چۈنكى سىلەر شۇ ئايدا مىسىردىن چىققان. پۈتكۈل تۇنجى ئوغۇل ۋە بارلىق تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك مال، مەيلى ئۇ كالا ياكى قوي بولسۇن، ماڭا مەنسۇپ. سىلەر تۇنجى ئەركەك تەخەينىڭ ئورنىغا قوي قۇربانلىق قىلساڭلارمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، تەخەينىڭ بوينىنى سۇندۇرۇپ قۇربانلىق قىلىڭلار. ئۆز ئەۋلادلىرىڭ ئىچىدىكى پۈتكۈل تۇنجى ئوغۇللارنى چوقۇم بەدەل بېرىپ قايتۇرۇۋال. ئالدىمغا قۇرۇق قول كەلمە. ئىش قىلىشىڭغا يېتەرلىك ئالتە كۈن بار. يەتتىنچى كۈنى، مەيلى ئۇ تېرىقچىلىق ياكى ئورما مەزگىلى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، چوقۇم ئارام ئالغىن. تۇنجى پىشقان بۇغدايلارنى ئورىغاندا، ئورما ھېيتى قىل. كۈزدە ھوسۇللارنى ئامبارغا يىغقىنىڭدا، ھوسۇل يىغىش ھېيتى قىل. پۈتكۈل ئەرلەر بىر يىلدا ئۈچ قېتىم ماڭا - ئىسرائىل خەلقى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن ئىگىسى خۇدانىڭ ئالدىغا كەلسۇن. مەن يات خەلقلەرنى سېنىڭ ئالدىڭدىن ھەيدەپ چىقىرىپ، زېمىنىڭنى كېڭەيتىمەن. شۇنىڭ بىلەن، سەن يىلدا ئۈچ قېتىم ماڭا ئىبادەت قىلغىلى كەتكەن ۋاقتىڭدا، ھېچكىم سېنىڭ يۇرتۇڭغا يامان كۆز تىكمەيدۇ. ماڭا قۇربانلىق قېنىنى بولدۇرۇلغان خېمىردىن پىشۇرۇلغان يېمەكلىك بىلەن بىللە ئاتىما. ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا سويغان قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى ئەتىسى ئەتىگەنگىچە ساقلىما. ھەر يىلى تۇنجى پىشقان زىرائەتلەرنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىدىن مېنىڭ خانامغا ئەكىرىپ، ماڭا - پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتا. ئوغلاقنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە پىشۇرما. پەرۋەردىگار مۇساغا: - بۇ سۆزلەرنى خاتىرىلىۋال. چۈنكى، مەن سەن ۋە ئىسرائىل خەلقى بىلەن مۇشۇ سۆزلەرنى ئاساس قىلىپ ئەھدە تۈزدۈم، - دېدى. مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ يېنىدا قىرىق كېچە-كۈندۈز تۇرۇپ، ھېچ نەرسە يېمىدى ھەم ئىچمىدى. پەرۋەردىگار ئەھدىنىڭ ئاساسى بولغان ئون پەرزنى ئىككى تاش تاختىغا يېزىپ بەردى. مۇسا پەرزلەر يېزىلغان تاش تاختىلارنى ئېلىپ تاغدىن چۈشكىنىدە، پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلەشكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ چىرايى پارقىراپ كەتكەنىدى. بىراق، ئۆزى بۇنى بىلمەيتتى. ھارۇن ۋە باشقا ئىسرائىللار مۇسانىڭ چىرايىدىكى نۇرنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا يېقىن كېلىشتىن قورقۇشتى. بىراق، مۇسا ئۇلارنى چاقىرغاندا، ھارۇن ۋە پۈتۈن جامائەت ئاقساقاللىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. مۇسا ئۇلارغا سۆز قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، پۈتكۈل ئىسرائىللار مۇسانىڭ ئالدىغا كېلىشتى. مۇسا پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا ئۇنىڭغا بەرگەن قانۇننى ئۇلارغا تاپىلىدى. مۇسا ئۇلارغا سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، ياغلىق بىلەن يۈزىنى يېپىۋالدى. ھەر قېتىم ئۇ ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىپ پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلەشكىنىدە، يۈزىنى يېپىۋالغان ياغلىقنى ئېلىۋېتەتتى. چىققان ۋاقتىدا، پەرۋەردىگار تاپشۇرغان سۆزلەرنى ئىسرائىللارغا يەتكۈزەتتى. بۇنداق ۋاقىتلاردا، ئىسرائىللار ئۇنىڭ يۈزىنىڭ پارقىراپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆرەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن، مۇسا يۈزىنى يېپىپ يۈرەتتى. پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلەشكىلى كىرگىنىدە يەنە ئېلىۋېتەتتى. مۇسا پۈتۈن ئىسرائىللارنى چاقىرىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ تۆۋەندىكى قائىدىگە رىئايە قىلىشىڭلارنى بۇيرۇدى. «ئىش قىلىشىڭلارغا يېتەرلىك ئالتە كۈن بار. يەتتىنچى كۈن بولسا مۇقەددەس بولۇپ، ئۇ پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ بولغان دەم ئېلىش كۈنىدۇر. بۇ كۈنى خىزمەت قىلغانلىكى كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. دەم ئېلىش كۈنى، ھەتتا ئۆز ئۆيىدە ئوت يېقىشقىمۇ بولمايدۇ.» مۇسا پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە يەنە مۇنداق دېدى: - پەرۋەردىگار شۇنداق ئەمر قىلدىكى: «سىلەر پەرۋەردىگارغا ھەدىيە سۇنۇڭلار، خالىغانلار ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يىپ، كەندىر يىپ ھەم ئۆچكە تىۋىتى، قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسى، نەپىس ئىشلەنگەن تېرىلەر، ئاكاتسىيە ياغىچى، چىراغ يېغى، مۇقەددەس ياغ ۋە ئىسرىق ياسىلىدىغان خۇشبۇي دورا-دەرمەكلەر، باش روھانىي كىيىدىغان قىسقا ئېفود بىلەن كۆكرەكلىككە قادىلىدىغان يوللۇق ھېقىق ۋە باشقا ئېسىل تاشلارنى ھەدىيە قىلسۇن.» - ئاراڭلاردىكى ماھىر ئۇستىلار كېلىپ، پەرۋەردىگار بۇيرۇغان بارلىق نەرسىلەرنى، يەنى ئىبادەت چېدىرى، چېدىرنىڭ يوپۇقى، چېدىرنىڭ ئىلمەك، رام، توغرا بالداقلىرى ۋە تۈۋرۈكلىرى ھەم تۈۋرۈك پۇتلىرى، ئەھدە ساندۇقى، ساندۇقنى كۆتۈرىدىغان بالداقلار، ساندۇقنىڭ ئاغزى، يەنى «مېھىر-شەپقەت تەختى» ۋە يوپۇق پەردىسى، شىرە، شىرەنى كۆتۈرىدىغان بالداقلار ۋە شىرە سايمانلىرى، خۇداغا سۇنىدىغان نانلار، چىراغدان ۋە ئۇنىڭ سايمانلىرى، چىراغ ۋە چىراغ يېغى، ئىسرىقدان ۋە ئۇنى كۆتۈرىدىغان بالداقلار، مۇقەددەس ياغ ۋە خۇشبۇي ئىسرىق، چېدىرنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ پەردىسى، كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسى بىلەن ئۇنىڭ تۇچ شالاسى، كۆتۈرۈش بالداقلىرى ۋە بارلىق سايمانلىرى، پاكلىنىش دېسى ۋە داس قويغۇچ، ھويلىنىڭ چۆرىسىدىكى پەردە توسۇقلار، پەردە تۈۋرۈكلىرى ۋە تۈۋرۈك پۇتلىرى، ھويلىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ پەردىسى، چېدىر ۋە ھويلىنىڭ قوزۇق ۋە تانىلىرى، روھانىي ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مۇقەددەس جايدا خىزمەت ئۆتىگەندە كىيىدىغان نەپىس مۇقەددەس كىيىملەرنى تەييارلىسۇن. پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى مۇسانىڭ يېنىدىن قايتىشتى. كۆڭلى رىغبەتلەنگەن ۋە رازىمەنلىك بىلەن ھەدىيە قىلىشنى خالىغانلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرىنى بىنا قىلىش، ئۇنىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەرنى ياساش ۋە مۇقەددەس كىيىمنى تىكىشكە كېرەكلىك بولغان لازىمەتلىكلەرنى ئېلىپ كېلىشتى. ھەدىيە قىلىشنى خالايدىغان ئەرلەر ۋە ئاياللار بۇلاپكا، ھالقا، ئۈزۈك ۋە بىلەزۈك قاتارلىق ھەر خىل ئالتۇن بۇيۇملارنى ئەكېلىپ، پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئاتىدى. كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يىپ، كەندىر يىپ، ئۆچكە تىۋىتى، قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسى ۋە نەپىس ئىشلەنگەن تېرە قاتارلىق نەرسىلىرى بارلار ئۇلارنى ئېلىپ كېلىشتى. كۈمۈش ياكى تۇچ ھەدىيە قىلالايدىغانلار ھەدىيىلىرىنى ئېلىپ كېلىشتى. ئاكاتسىيە ياغىچى بارلارمۇ ئۇنى ئېلىپ كېلىشتى. قولى چېۋەر ئاياللار ئۆز قولى بىلەن ئېگىرگەن كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يىپ ھەم كەندىر يىپ ئېلىپ كېلىشتى. كۆڭلى رىغبەتلەنگەن قابىلىيەتلىك ئاياللار يەنە ئۆچكە تىۋىتىدىن يىپ ئېگىرىشتى. ئاقساقاللار ئېفودقا ۋە كۆكرەكلىككە قادىلىدىغان يوللۇق ھېقىق ۋە باشقا ئېسىل تاشلار، چىراغ، مۇقەددەس ياغ ۋە ئىسرىق ئۈچۈن خۇشبۇي دورا-دەرمەك ۋە ياغلارنى ئېلىپ كېلىشتى. مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، پەرۋەردىگارغا ھەدىيە سۇنۇشنى خالىغان ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى ھەدىيىلىرىنى ئېلىپ كېلىشىپ، پەرۋەردىگار مۇسا ئارقىلىق ئۇلارنى سېلىشقا بۇيرۇغان ئىبادەت جايى ئۈچۈن تەقدىم قىلىشتى. مۇسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: - قاراڭلار! پەرۋەردىگار يەھۇدا قەبىلىسىدىن خۇرنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىنىڭ ئوغلى بىزالىلنى تاللىدى. ئۇنى ئۆز روھى بىلەن چۆمۈلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئەقىل-پاراسەت، بىلىم ۋە خىلمۇخىل ھۈنەر-سەنئەت ئىقتىدارىنى ئاتا قىلدى. ئۇ ھازىر خىلمۇخىل ھۈنەرلەرنى، يەنى ئالتۇن، كۈمۈش ۋە تۇچتىن ھەر خىل نەرسىلەرنى ياساش، قىممەتلىك تاشلارنى كېسىش ۋە ئۇلارنى زىننەت بۇيۇملىرىغا سېلىش ھەمدە ياغاچلارغا نەقىش ئويۇشتەك ھۈنەرلەرنى بىلىدۇ. پەرۋەردىگار يەنە دان قەبىلىسىدىن ئاخىساماقنىڭ ئوغلى ئوھولىيابقىمۇ ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلىپ، ئۇنى ۋە بىزالىلنى باشقىلارغا ئۇستاز قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئەقىل-پاراسەتلىك قىلىپ، ئۇلارغا نەققاشلىق، ئويمىچىلىق، كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ ۋە كەندىر يىپتىن كەشتە تىكىش، رەختلەرنى توقۇش قاتارلىق ھەر خىل نەپىس ھۈنەر-سەنئەت ئىقتىدارلىرىنى ئاتا قىلدى. ئۇلار ھەر خىل ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ ۋە خىلمۇخىل ھۈنەرلەرنى ئويلاپ چىقىرالايدۇ. بىزالىل، ئوھولىياب ۋە باشقا ئۇستا ھۈنەرۋەنلەر، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىقتىدار ئاتا قىلىشى بىلەن ئىبادەت جايىنى قانداق ياساشنى بىلگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە شۇ خىزمەتلەرنى قىلسۇن. مۇسا بىزالىل بىلەن ئوھولىياب ۋە پەرۋەردىگار قابىلىيەت ئاتا قىلغان، كۆڭلى رىغبەتلىنىپ خىزمەت قىلىشنى خالىغان كىشىلەرنى يىغدى. ئۇلار مۇسادىن ئىسرائىللارنىڭ ئىبادەت جايىنى ياساشقا ھەدىيە قىلغان بارلىق سوۋغاتلىرىنى تاپشۇرۇۋالدى. ھەر كۈنى ئەتىگەنلىكى، كىشىلەر ئۆز مەيلى بىلەن سوۋغاتلىرىنى ئېلىپ كېلەتتى. شۇڭا، ئىبادەت جايىنى ياساشقا قاتناشقان ئۇستىلار ئۆز خىزمەتلىرىنى توختىتىپ، مۇسانىڭ ئالدىغا بېرىپ: «كىشىلەر ئېلىپ كەلگەن ھەدىيىلەر پەرۋەردىگار بۇيرۇغان ئىبادەت جايىنى ياساش ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كەتتى!» دېيىشتى. شۇڭا، مۇسا پۈتۈن قارارگاھتىكىلەرنىڭ ئەمدى ئىبادەت جايى ئۈچۈن ھەدىيە قىلماسلىقىنى بۇيرۇدى. كىشىلەر بولسا سوۋغات ئېلىپ كېلىشنى شۇندىلا توختاتتى. تاپشۇرۇۋېلىنغان ھەدىيىلەر پۈتۈن ئىبادەت جايىغا يېتىپ، ھەتتا ئېشىپ قالدى. خىزمەتچى خادىملار ئىچىدىكى ئۇستا ھۈنەرۋەنلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىنى ئون دانە يوپۇقتىن ياسىدى. بۇ يوپۇقلار كەندىر يىپ بىلەن كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپتىن توقۇلۇپ، ئۈستىگە قولى چېۋەر ئۇستا تەرىپىدىن قاناتلىق پەرىشتىلەرنىڭ سۈرىتى نەپىس كەشتىلەندى. ھەربىر يوپۇقنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش ھالدا، ئۇزۇنلۇقى ئون تۆت، كەڭلىكى ئىككى مېتىردىن قىلىندى. يوپۇقلارنىڭ بەشى بىر پارچە، قالغان بەشى يەنە بىر پارچە قىلىنىپ ئۇلاندى. ئۇلانغان ھەربىر چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكىسىگە كۆك رەڭلىك ئىزمە تىكىلدى. يوپۇقنىڭ بىر پارچىسىنىڭ ئەڭ چېتىدىكىسىگە ئەللىك ئىزمە، يەنە بىر پارچىسىنىڭ ئەڭ چېتىدىكىسىگىمۇ ئەللىك ئىزمە تىكىلدى. ئەللىك ئالتۇن ئىلمەك ياسىلىپ، ئىككى پارچە يوپۇق تۇتاشتۇرۇلدى. ئىبادەت چېدىرىنى يېپىش ئۈچۈن، ئۆچكە يۇڭىدىن ئون بىر پارچە قېلىن يوپۇق رەخت توقۇلدى. يوپۇقلارنىڭ ھەربىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى ئون بەش، كەڭلىكى ئىككى مېتىردىن بولدى. يوپۇقلارنىڭ بەش دانىسى بىر پارچە، قالغان ئالتىسى يەنە بىر پارچە قىلىنىپ ئۇلاندى. بىرىنچى چوڭ يوپۇقنىڭ ئەڭ چېتىدىكى پارچىسىگە ئەللىك ئىزمە، يەنە بىر چوڭ يوپۇقنىڭ ئەڭ چېتىدىكىسىگىمۇ ئەللىك ئىزمە تىكىلدى. تۇچتىن ئەللىك ئىلمەك ياسىلىپ، ئۇلار ئىزمىلەرگە ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىككى پارچە يوپۇق بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ، بىر پۈتۈن يوپۇق قىلىندى. بۇنىڭدىن باشقا، چېدىرنى قاپلاش ئۈچۈن، قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسىدىن ۋە نەپىس ئىشلەنگەن تېرىدىن يەنە ئىككى پارچە چېدىر يوپۇقى ياسالدى. ئىبادەت چېدىرىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن ئاكاتسىيە ياغىچىدىن رام ياسالدى. ھەربىر رامنىڭ ئۇزۇنلۇقى بەش مېتىر، كەڭلىكى يەتمىش بەش سانتىمېتىر بولدى. ھەربىر رامغا بىر-بىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئىككىدىن ئۇلىغۇچ ياسالدى. ھەممە راملاردا شۇنداق ئۇلىغۇچ بولدى. چېدىرنىڭ جەنۇب تەرىپىگە يىگىرمە رام ياسالدى. راملارنىڭ تېگىگە كۈمۈشتىن قىرىق دانە پۇت ياسىلىپ، ھەربىر رامنىڭ تېگىگە ئىككىدىن ئورنىتىلدى. يەنە چېدىرنىڭ شىمال تەرىپىگىمۇ يىگىرمە رام ياسىلىپ، بۇلار ئۈچۈنمۇ كۈمۈشتىن قىرىق دانە پۇت ياسىلىپ، ھەربىر رامنىڭ تېگىگە ئىككىدىن تەييارلاندى. لېكىن، چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىگە، يەنى غەربكە قارىتىپ ئالتە رام ياسالدى. چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىدىكى ئىككى بۇلۇڭغا ئىككى رام ياسالدى. راملار بىر-بىرىگە يېقىن قويۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇچى بىر چەمبەرگە كىرگۈزۈلۈپ مۇقىملاشتۇرۇلدى. ئىككى دوقمۇشنى ھاسىل قىلىدىغان ھەر ئىككى رام شۇنداق ياسالدى. دېمەك، چېدىرنىڭ غەرب تەرىپىدە سەككىز رام بولۇپ، ھەربىر رامنىڭ تېگىدە ئىككىدىن جەمئىي ئون ئالتە دانە كۈمۈش پۇت بولدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئون بەش توغرا بالداق ياسالدى. بۇلاردىن چېدىرنىڭ بىر يېنىدىكى راملارغا بەش دانە، يەنە بىر يېنىدىكى راملارغا بەش دانە ھەمدە چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىدىكى غەربكە قارايدىغان راملارغىمۇ بەش دانە ئورنىتىلدى. راملارنىڭ ئوتتۇرىسىغا چېتىلىدىغان ئوتتۇرا بالداق چېدىرنىڭ بىر بېشىدىن يەنە بىر بېشىغا يەتكۈزۈلۈپ ياسالدى. راملار ۋە بالداقلار ئالتۇن بىلەن قاپلاندى، بالداقلار ئۆتكۈزۈلىدىغان ھالقىلارمۇ ئالتۇندىن ياسالدى. كەندىر يىپ بىلەن كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپتىن بىر پەردە توقۇلۇپ، ئۇنىڭغا قولى چېۋەر ئۇستىلار تەرىپىدىن قاناتلىق پەرىشتىلەرنىڭ سۈرىتى كەشتىلەندى. بۇ پەردە ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسالغان تۆت دانە تۈۋرۈككە بېكىتىلگەن ئالتۇن ئىلمەكلەرگە ئېسىلدى. تۈۋرۈكلەر ئالتۇن بىلەن قاپلىنىپ، كۈمۈشتىن ياسالغان تۆت پۇتنىڭ ئۈستىگە ئورنىتىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، كەندىر يىپ بىلەن كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپتىن ئىبادەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىغا كەشتىلىك پەردە توقۇلدى. پەردىنى ئېسىش ئۈچۈن، ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بەش دانە تۈۋرۈك ياسىلىپ، تۈۋرۈك بېشى ئالتۇن بىلەن قاپلاندى. تۈۋرۈكلەردە ئالتۇن ئىلمەكلەر بولدى ھەم تۇچتىن بەش دانە تۈۋرۈك پۇتى ياسالدى. بىزالىل ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئۇزۇنلۇقى يۈز يىگىرمە بەش، كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكى يەتمىش بەش سانتىمېتىرلىق بىر ساندۇق ياسىدى. ساندۇقنىڭ ئىچى-سىرتىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، چۆرىسىگە ئالتۇندىن جىيەك تۇتتى. ئۇ يەنە ئالتۇندىن تۆت ھالقا قۇيدۇرۇپ، ساندۇقنىڭ تۆت پۇتىغا، ھەربىر تەرىپىگە ئىككىدىن ئورناتتى. ساندۇقنىڭ ئۈستىگە ساپ ئالتۇندىن ئۇزۇنلۇقى بىر يۈز يىگىرمە بەش، كەڭلىكى يەتمىش بەش سانتىمېتىر كېلىدىغان ساندۇق ئاغزى، يەنى «مېھىر-شەپقەت تەختى» ياسىدى. ئالتۇندىن ئىككى دانە «كېرۇب» دەپ ئاتىلىدىغان قاناتلىق مەخلۇقنىڭ ھەيكىلىنى سوقۇپ، «مېھىر-شەپقەت تەختى»~نىڭ ئىككى بېشىغا بىردىن ئورنىتىپ، تەخت بىلەن بىر پۈتۈن قىلىپ بىرلەشتۈردى. قاناتلىق ھەيكەللەر ئۇدۇلمۇئۇدۇل قويۇلغان ھالدا تەختنىڭ يۈزىگە قارىشىپ، قاناتلىرىنى ئېچىپ «مېھىر-شەپقەت تەختى»~نى يېپىپ تۇرىدىغان بولدى. ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئۇزۇنلۇقى يۈز، كەڭلىكى ئەللىك، ئېگىزلىكى يەتمىش بەش سانتىمېتىرلىق بىر شىرە ياسىلىپ، ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاندى ھەم ئۇنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇندىن جىيەك تۇتۇلدى. شىرەنىڭ چۆرىسىگە تۆت ئىلىك كەڭلىكتە پەۋاز قويۇلۇپ، ئۇنىڭغىمۇ ئالتۇن جىيەك تۇتۇلدى. كۆتۈرۈش بالداقلىرىنى سېلىش ئۈچۈن تۆت ئالتۇن ھالقا ياسىلىپ، شىرەنىڭ تۆت بۇرجىكىدىكى پۇتىغا ئورنىتىلدى. بالداقلارنىڭ ئالتۇن ھالقىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن ھالقا پەۋازغا يېقىن ئورنىتىلدى. بالداق ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىلىپ، ئالتۇن بىلەن قاپلاندى. شىرەنىڭ ئۈستىدىكى ئىچىملىك ھەدىيىسىگە ئىشلىتىلىدىغان تاۋاق، تەخسە، چەينەك ۋە پىيالىلەر ساپ ئالتۇندىن ياسالدى. ساپ ئالتۇندىن بىر چىراغدان سوقۇلدى. چىراغداننىڭ پۇتى بىلەن تۈۋرۈكى، قەدەھلىرى، گۈل تۈگۈنى ۋە بەرگلىرى بىر پۈتۈن قىلىندى. چىراغداننىڭ ئىككى يېنىغا ھەر تەرەپكە ئۈچتىن ئالتە شاخچە چىقىرىلدى. ھەربىر شاخچىدا گۈل تۈگۈنى ۋە بەرگلىرى بولغان بادام چېچىكى شەكلىدىكى ئۈچ تال قەدەھ بولدى. چىراغداننىڭ ئالتە شاخچىسىنىڭ ھەممىسىلا مۇشۇنداق ياسالدى. چىراغداننىڭ مەركىزىي شاخچىسىنىڭ ئۇچىدا گۈل تۈگۈنى ۋە بەرگلىرى بولغان بادام چېچىكى شەكلىدىكى تۆت تال قەدەھ بولدى. چىراغداننىڭ مەركىزىي شاخچىسىدىن ئىككى تەرەپكە چىقىرىلغان ھەربىر جۈپ شاخچىنىڭ ئاستىغا تۈگۈن چىقىرىلدى. چىراغداننىڭ ئالتە شېخىنىڭ ھەممىسى شۇنداق ياسالدى. پۈتۈن چىراغدان، يەنى ئۇنىڭ بارلىق بېزەكلىرىنىڭ ھەممىسى بىرلا پارچە ئالتۇندىن سوقۇلدى. چىراغدانغا يورۇقى ئالدى تەرەپكە چۈشىدىغان قىلىپ يەتتە چىراغ ئورنىتىلدى. چىراغدان، ئۇنىڭ پىلىك قىسقۇچلىرى ۋە كۈلدانلىرى ئوتتۇز تۆت كىلو ساپ ئالتۇندىن ياسالدى. ئىسرىقدان ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسالدى. ئۇ تۆت چاسا بولۇپ، ئېگىزلىكى بىر، ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى يېرىم مېتىردىن قىلىندى. ئۇنىڭ ئۈستى، تۆت تەرىپى ۋە تۆت مۈڭگۈزى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلىنىپ، چۆرىسىگە ئالتۇن جىيەك تۇتۇلدى. ئىسرىقداننى كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، ئالتۇندىن ئىككى ھالقا ياسىلىپ، ئىككى ياندىكى جىيەكلەرنىڭ ئاستىغا بېكىتىلدى. بالداقلار ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىلىپ، ئالتۇن بىلەن قاپلاندى. خۇشبۇي دورا-دەرمەكلەرنى تەڭشەش ئۇسۇلى بويىچە مۇقەددەس ياغ ۋە خۇشبۇي ئىسرىقلار ياسالدى. قۇربانلىق سۇپىسى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسالدى. سۇپا تۆت چاسا بولۇپ، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى بىر يېرىم، ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى ئىككى يېرىم مېتىردىن قىلىندى. سۇپىنىڭ تۆت بۇرجىكىگە مۈڭگۈزلەر چىقىرىلدى. ئۇلار سۇپا بىلەن بىر پۈتۈن قىلىنىپ، تۇچ بىلەن قاپلاندى. قۇربانلىق سۇپىسىغا ئىشلىتىلىدىغان كۈلدان، گۈرجەك، داس، لاخشىگىر ۋە ئوتدان قاتارلىقلار ياسالدى. بۇ سايمانلارنىڭ ھەممىسى تۇچتىن بولدى. بۇنىڭدىن باشقا، قۇربانلىق سۇپىسىغا تۇچتىن بىر شالا ياسىلىپ، قۇربانلىق سۇپا ئوتخانىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى شالا تەكچىسىنىڭ ئۈستىگە قويۇلدى. ئاندىن، بالداق ئۆتكۈزۈلىدىغان، شالانىڭ تۆت بۇرجىكىگە بېكىتىلىدىغان تۆت دانە تۇچ ھالقا ياسالدى. بۇنىڭدىن باشقا، قۇربانلىق سۇپىسىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئىككى بالداق ياسىلىپ، تۇچ بىلەن قاپلىنىپ، ئىككى ياندىكى ھالقىلارغا ئۆتكۈزۈلدى. قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئوتتۇرىسى كاۋاك قىلىنىپ، تاختايدىن ياسالدى. پاكلىنىش دېسى ۋە داس قويغۇچ پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا خىزمەت قىلىدىغان ئاياللار تەرىپىدىن بېرىلگەن تۇچ ئەينەكلەردىن ياسالدى. ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئەتراپىنى توسۇپ ھويلا قىلىش ئۈچۈن، كەندىر يىپتىن پەردە توقۇلدى. جەنۇب تەرەپتىكى پەردىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك مېتىر قىلىنىپ، پەردىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن يىگىرمە دانە تۇچ تۈۋرۈك ھەم ئۇلارنىڭ تېگىگە قويغىلى يىگىرمە دانە تۇچ پۇت ياسالدى. پەردىلەرنى بېكىتىدىغان تۈۋرۈك ئىلمەكلىرى بىلەن ھالقىلىرى كۈمۈشتىن ياسالدى. شىمال تەرەپكىمۇ پەردە ئورنىتىلدى. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ ئەللىك مېتىر قىلىنىپ، پەردىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن، يىگىرمە دانە تۇچ تۈۋرۈك ھەم ئۇلارنىڭ تېگىگە قويغىلى يىگىرمە دانە تۇچ پۇت ياسالدى. تۈۋرۈك ئىلمەكلىرى بىلەن ھالقىلىرى كۈمۈشتىن ياسالدى. غەرب تەرەپتىكى پەردىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مېتىر قىلىندى. پەردىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن، ئون دانە تۇچ تۈۋرۈك ھەم ئۇلارنىڭ تېگىگە قويغىلى ئون دانە تۇچ پۇت ياسالدى. ھويلىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى پەردىنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ يىگىرمە بەش مېتىر قىلىندى. كىرىش ئاغزىنىڭ بىر تەرىپىدىكى پەردىنىڭ كەڭلىكى يەتتە يېرىم مېتىر بولدى. پەردىنى بېكىتىش ئۈچۈن ئۈچ تۈۋرۈك ۋە ئۈچ پۇت ياسالدى. يەنە بىر تەرىپىدىكى پەردىنىڭ كەڭلىكى يەتتە يېرىم مېتىر بولدى. ئۇنىڭغىمۇ ئۈچ دانە تۇچ تۈۋرۈك ھەم ئۇلارنىڭ تېگىگە قويغىلى ئۈچ دانە تۇچ پۇت ياسالدى. ھويلىنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق پەردىلەر كەندىر يىپتىن توقۇلدى. تۈۋرۈكلەرنىڭ پۇتلىرى تۇچتىن، ئىلمەك ۋە ھالقىلىرى بولسا كۈمۈشتىن ياسالدى، تۈۋرۈكنىڭ بېشى كۈمۈشتىن قاپلاندى. ھويلىنىڭ تۆت ئەتراپىدىكى تۈۋرۈكلەرنىڭ ھەممىسىدە كۈمۈش ھالقىلار بولدى. ھويلىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ پەردىلىرى كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ ۋە كەندىر يىپتىن توقۇلۇپ كەشتىلەندى. پەردىنىڭ كەڭلىكى ئون مېتىر، ئېگىزلىكى بولسا ھويلىنىڭ توسۇق پەردىسىنىڭ ئېگىزلىكىدەك ئىككى يېرىم مېتىر قىلىندى. تۆت دانە پۇتلۇق تۇچ تۈۋرۈك ئۇنى كۆتۈرۈپ تۇردى. تۈۋرۈكلەردىكى ئىلمەك، ھالقىلارنىڭ ھەممىسى كۈمۈشتىن ياسالدى، تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشىمۇ كۈمۈش بىلەن قاپلاندى. ئىبادەت چېدىرىغا ئىشلىتىلگەن بارلىق قوزۇقلار تۇچتىن قۇيۇلدى. ئەھدە چېدىرى دەپمۇ ئاتالغان ئىبادەت چېدىرىنى ياساشقا ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللار مۇسانىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە لاۋىيلار تەرىپىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلگەن بولۇپ، روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارنىڭ سانىقىدىن ئۆتكەنىدى. پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغانلارنىڭ ھەممىسىنى يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان خۇرنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىنىڭ ئوغلى بىزالىل ياسىدى. ئۇنىڭغا ياردەمچى بولغان دان قەبىلىسىدىن بولغان ئاخىساماقنىڭ ئوغلى ئوھولىيابنىڭمۇ قولى چېۋەر بولۇپ، ئۇ نەققاشلىق، ئويمىچىلىق ۋە كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ ھەم كەندىر يىپتىن كەشتە تىكىشنى بىلەتتى. ئىبادەت جايىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئاتالغان ئالتۇن رەسمىي ئۆلچەم بويىچە 1000 كىلوغا توغرا كەلدى. نوپۇس تىزىملىكىدىكى كىشىلەر سوۋغا قىلغان كۈمۈش رەسمىي ئۆلچەم بويىچە 3440 كىلوغا توغرا كەلدى. نوپۇس تىزىملىكىگە ئاساسلانغاندا، يىگىرمە ياشتىن يۇقىرىلار جەمئىي 603 مىڭ بەش يۈز ئەللىك نەپەر بولۇپ، رەسمىي ئۆلچەم بويىچە ھېسابلىغاندا ھەر بىر كىشى تاپشۇرغان كۈمۈش بەش يېرىم گرام بولدى. 3400 مىڭ كىلو كۈمۈشتىن ئىبادەت جايى راملىرىنىڭ ۋە پەردىلەر بېكىتىلىدىغان تۈۋرۈكلەرنىڭ يۈز كۈمۈش پۇتى ياسالدى. ھەربىر پۇتقا 34 كىلودىن كۈمۈش ئىشلىتىلدى. قالغان 40 كىلو كۈمۈش تۈۋرۈكلەرنىڭ ئىلمەك ۋە ھالقىلىرىنى ياساشقا ھەم تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشىنى قاپلاشقا ئىشلىتىلدى. پەرۋەردىگارغا ئاتالغان تۇچ جەمئىي 2400 كىلو بولۇپ، ئۇ پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىدىكى تۈۋرۈك پۇتلىرى، قۇربانلىق سۇپىسى ۋە ئۇنىڭ تۇچ شالاسى، سۇپىنىڭ پۈتۈن سايمانلىرى، ھويلىنىڭ ئەتراپىدىكى توسۇق پەردىنىڭ تۈۋرۈكلىرى، ھويلىنىڭ كىرىش ئاغزىدىكى تۈۋرۈك پۇتلىرى، ئىبادەت چېدىرىنىڭ ۋە ھويلىنىڭ توسۇق پەردىسىنىڭ قوزۇقلىرىغا ئىشلىتىلدى. كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپتىن توقۇلغان رەختتىن روھانىيلار مۇقەددەس جايدا ۋەزىپە ئۆتىگەندە كىيىدىغان مۇقەددەس كىيىملەر تىكىلدى. ھارۇن ئۈچۈن تىكىلگەن مۇقەددەس كىيىملەر پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغانلىرى بويىچە قىلىندى. ئېفود زەر يىپ، كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ ۋە كەندىر يىپتىن توقۇلغان رەختتىن تىكىلدى. قولى چېۋەر ئۇستىلار ئالتۇننى نېپىز سوقۇپ، ئىنچىكە تالا قىلىپ كېسىپ، ئۇنى كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ ۋە كەندىر يىپ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ رەخت توقۇپ، ئېفودنى تىكتى. ئېفودنىڭ ئىككى دانە مۈرە تاسمىسى بولدى. ئېفودنىڭ ئالدى ۋە كەينى قىسمى بۇ ئىككى تاسما ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ەنە كەمەر تەييارلاندى. كەمەر زەر يىپ، كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ ۋە كەندىر يىپتىن ئۇستىلىق بىلەن توقۇلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنى بويىچە قىلىندى. ئىككى دانە يوللۇق ھېقىق ئالتۇن كۆزلۈككە قويۇلۇپ، ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ ئىسىملىرى ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇستىلىق بىلەن مۆھۈرگە ئويۇلغان نەقىشلەردەك ئويۇلدى. ئاندىن، ئېفودنىڭ ئىككى دانە مۈرە تاسمىسىغا قادىلىپ، ئىسرائىللارنىڭ خاتىرە تېشى قىلىندى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە قىلىندى. خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلىش ئۈچۈن كىيىلىدىغان كۆكرەكلىك قولى چېۋەر ئۇستىلار تەرىپىدىن تىكىلدى. تىكىلىش ئۇسۇلى ئېفود بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئۇ زەر يىپ، كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ ۋە كەندىر يىپ بىلەن تىكىلدى. كۆكرەكلىكنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى ئوخشاشلا يىگىرمە بەش سانتىمېتىردىن قىلىنىپ، تۆت چاسا ھەم ئىككى قات، يەنى يانچۇقلۇق قىلىپ تىكىلدى. ئۈستىگە تۆت قۇر قىممەتلىك تاش قادالدى. بىرىنچى قۇرغا قىزىل ياقۇت، توپاز ۋە زۇمرەت ئورنىتىلدى. ئىككىنچى قۇرغا كۆك قاشتاش، كۆك ياقۇت ۋە ئالماس ئورنىتىلدى. ئۈچىنچى قۇرغا سۆسۈن ياقۇت، ھېقىق ۋە سۆسۈن كۋارتس ئورنىتىلدى. تۆتىنچى قۇرغا رەڭسىز ياقۇت، يوللۇق ھېقىق ۋە يېشىل قاشتاش ئورنىتىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالتۇن كۆزلۈككە ئېلىنىپ، كۆكرەكلىككە قادالدى. ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ ئىسمى خۇددى مۆھۈرگە ئويۇلغان نەقىشلەردەك، بۇ قىممەتلىك تاشلارنىڭ ئۈستىگە ئويۇلدى. كۆكرەكلىكنى ئېفودقا بېكىتىش ئۈچۈن، ساپ ئالتۇندىن ئېشىلگەن شوينىدەك ئىككى تال زەنجىر سوقۇلدى. كۆكرەكلىكنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى ئىككى بۇرجىكىنىڭ ھەربىرىگە بىردىن ئالتۇن ھالقا بېكىتىلدى. زەنجىرلەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئالتۇن ھالقىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، ئېفود تاسمىسىنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى ئىككى ئالتۇن كۆزلۈككە ئۇلاندى. كۆكرەكلىكنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى ئىككى بۇرجەكنىڭ ئېفودقا تېگىپ تۇرىدىغان ئىچكى يۈزىگە ئىككى دانە ئالتۇن ھالقا بېكىتىلدى. شۇنداقلا، يەنە ئېفودنىڭ بەل قىسمىغا، يەنى كەمەرنىڭ يۇقىرىسىغىلا ئىككى دانە ئالتۇن ھالقا بېكىتىلدى. كۆكرەكلىكنىڭ پۇلاڭلاپ كەتمەي، ئېفودقا چاپلىشىپ تۇرۇشى ئۈچۈن، كۆكرەكلىكتىكى ھالقىلار بىلەن ئېفودتىكى ھالقىلار بىر تال كۆك يىپ ئارقىلىق ئۆزئارا ئۇلاندى. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنى بويىچە قىلىندى. توقۇمىچىلار ئېفودنىڭ ئىچىگە كىيىلىدىغان پەرىجىنى توقۇدى. پەرىجىنىڭ رەڭگى پۈتۈنلەي كۆك بولدى. پەرىجىگە ئويما ياقا ئېچىلىپ، يىرتىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ياقىنىڭ چۆرىسىگە پەۋاز تۇتۇلدى. پەرىجىنىڭ ئاياغ پېشىگە كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ ۋە كەندىر يىپتىن ئانار نۇسخىلىق كەشتىلەر چۈشۈرۈلدى. ساپ ئالتۇندىن قوڭغۇراقلار ياسىلىپ، پەرىجىنىڭ ئاياغ پېشىدىكى ئانار نۇسخىلىق كەشتىلەر ئوتتۇرىسىغا بىردىن ئېسىلدى. روھانىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندە كىيىلىدىغان بۇ پەرىجىنىڭ پېشىگە نۆۋەت بىلەن ئانار نۇسخىلىق كەشتىلەر تىكىلدى ۋە ئالتۇن قوڭغۇراقلار ئورنىتىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنى بويىچە قىلىندى. ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن كەندىر يىپتىن ئىچ پەرىجە تىكىلدى. كەندىر يىپتىن سەللە، باش كىيىم ۋە تامباللارمۇ تەييارلاندى. كەندىر يىپ، كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپتىن بىر كەمەر توقۇلۇپ، ئۈستى كەشتىلەندى. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنى بويىچە قىلىندى. ساپ ئالتۇندىن بىر قاداق ياسىلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە «پەرۋەردىگارغا ئاتالدى» دېگەن خەتلەر مۆھۈرگە ئويۇلغاندەك ئويۇلدى ھەمدە كۆك رەڭلىك يىپ بىلەن سەللىگە تاقاپ قويۇلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنى بويىچە قىلىندى. ئىبادەت چېدىرى - پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى پۈتۈنلەي تاماملاندى. پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغانلىرىنى ئىسرائىللار بىر-بىرلەپ ئورۇندىدى. ئۇلار ئىبادەت چېدىرى ۋە چېدىرنىڭ بارلىق سايمانلىرىنى مۇسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە: ئىلمەك، رام، توغرا بالداق، تۈۋرۈك ۋە تۈۋرۈك پۇتى، قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسىدىن ياسالغان يوپۇق، نەپىس ئىشلەنگەن تېرە يوپۇق، يوپۇق پەردىسى، پەرزلەرنى سالىدىغان ئەھدە ساندۇقى، ئۇنىڭ كۆتۈرۈش بالداقلىرى ۋە ئاغزى، يەنى «مېھىر-شەپقەت تەختى»، شىرە، شىرەنىڭ سايمانلىرى، خۇداغا سۇنىدىغان نانلار، ساپ ئالتۇن چىراغدان، ئۇنىڭ سايمانلىرى، چىراغ، چىراغ يېغى، ئالتۇن ئىسرىقدان، مۇقەددەس ياغ، خۇشبۇي ئىسرىق، ئىبادەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ پەردىسى، تۇچتىن ياسالغان قۇربانلىق سۇپىسى، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۇچ شالاسى، سۇپىنىڭ كۆتۈرۈش بالداقلىرى ۋە ئۇنىڭ بارلىق سايمانلىرى، پاكلىنىش دېسى ۋە داس قويغۇچ، ھويلىنىڭ چۆرىسىدىكى پەردە توسۇقلار، پەردە تۈۋرۈكلىرى ۋە تۈۋرۈك پۇتلىرى، ھويلىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ پەردىسى، چېدىرنىڭ تانىلىرى ۋە قوزۇقلىرى، روھانىي ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مۇقەددەس جايدا خىزمەت ئۆتىگەندە كىيىدىغان نەپىس مۇقەددەس كىيىملەر بار ئىدى. پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغانلىرىنى ئىسرائىللار بىر-بىرلەپ ئورۇندىدى. مۇسا پۈتۈن نەرسىلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنىڭ پۈتۈنلەي پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا بەخت تىلەپ دۇئا قىلدى. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق ئەمر قىلدى: - بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى ئىبادەت چېدىرى - پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرىنى تىكىپ، ئون پەرز يېزىلغان تاش تاختىلار قويۇلغان ئەھدە ساندۇقىنى ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جايغا قويۇپ، ئۇنى پەردە بىلەن توسۇپ قويغىن. شىرەنى چېدىردىكى مۇقەددەس جايغا ئېلىپ كىرىپ، ئۈستىگە سايمانلىرىنى تىزىپ قويغىن. چىراغداننىمۇ ئېلىپ كىرىپ، چىراغلىرىنى يېقىپ قويغىن. ئىسرىقداننى ئەڭ مۇقەددەس جايدىكى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۇدۇلىغا، يەنى ئەڭ مۇقەددەس جاينى ئايرىپ تۇرىدىغان پەردىنىڭ سىرتىغا قويغىن. چېدىرنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ پەردىسىنى تارتىپ قويغىن. كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسىنى ئىبادەت چېدىرى - پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا قويغىن. پاكلىنىش دېسىنى چېدىر بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئارىسىغا قويۇپ، ئۇنىڭغا سۇ تولدۇرۇپ قويغىن. ئىبادەت جايىنىڭ ھويلىسىنىڭ پەردىلىرىنى بېكىتىپ، كىرىش ئاغزىنىڭ پەردىسىنىمۇ ئېسىپ قويغىن. ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق سايمانلارنى مۇقەددەس ياغ بىلەن ياغلاپ، ماڭا - پەرۋەردىگارىڭغا ئاجراتقىن. شۇنداق قىلساڭ، بۇ نەرسىلەر مۇقەددەس بولىدۇ. ئاندىن كېيىن، قۇربانلىق سۇپىسى ۋە ئۇنىڭ ھەممە سايمانلىرىنى مۇقەددەس ياغ بىلەن ياغلاپ، ماڭا - پەرۋەردىگارىڭغا ئاجراتقىن. شۇنداق قىلساڭ، بۇ نەرسىلەر مۇقەددەس بولىدۇ. پاكلىنىش دېسى ۋە داس قويغۇچنىمۇ مۇقەددەس ياغ بىلەن ياغلاپ، ماڭا - پەرۋەردىگارىڭغا ئاجراتقىن. ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، يۇيۇپ پاكلاندۇرغىن. ھارۇنغا مۇقەددەس كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ، مۇقەددەس ياغنى سۈركەپ، ماڭا - پەرۋەردىگارىڭغا ئاجراتقىن. شۇنداقتا، ئۇ مەن ئۈچۈن روھانىيلىق قىلالايدۇ. ئاندىن، ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارغا پەرىجىلەرنى كىيدۈرۈپ، خۇددى ئاتىسىغا ياغ سۈركىگەندەك، ئۇلارغا مۇقەددەس ياغ سۈركەپ، مەن ئۈچۈن روھانىيلىق قىلىشقا ئاجراتقىن. ئۇلارغا ياغ سۈركىلىش، ئۇلارنىڭ ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە روھانىيلىق قىلىشقا تەيىنلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. مۇسا مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە بەجا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار مىسىردىن چىقىپ ئىككىنچى يىلى بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى ئىبادەت چېدىرىنى تىكتى. مۇسا چېدىر راملىرىنىڭ پۇتلىرىنى ئورنىتىپ، راملارنى تىكلەپ، توغرا بالداقلىرىنى قويۇپ، تۈۋرۈكلىرىنى ئورناتتى. ئاندىن، ئۇ پۈتۈن چېدىرنىڭ ئۈستى ۋە ئەتراپىنى پەردە بىلەن قاپلاپ، تورۇس پەردىسىنىڭ ئۈستىگە يوپۇق ياپتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغانلىرى بويىچە قىلىندى. ئاندىن كېيىن، ئۇ پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختىنى ئەھدە ساندۇقىغا سېلىپ، كۆتۈرۈش بالداقلىرىنى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ھالقىسىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۈستىگە ساندۇق ئاغزى، يەنى «مېھىر-شەپقەت تەختى»~نى ئورناتتى. ئاندىن، ئەھدە ساندۇقىنى ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىچىگە قويۇپ، ساندۇقنى توسۇپ قويۇش ئۈچۈن يوپۇق پەردىسىنى ئاستى. بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغانلىرى بويىچە قىلىندى. مۇسا شىرەنى پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرىغا ئېلىپ كىرىپ، ئۇنى چېدىر ئىچىدىكى شىمال تەرەپكە، ئەڭ مۇقەددەس جاينىڭ ئالدىدىكى يوپۇق پەردىسىنىڭ سىرتىغا، يەنى «مۇقەددەس جاي» دەپ ئاتالغان قىسمىغا قويدى. شىرەگە پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نانلارنى قويدى. بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغانلىرى بويىچە قىلىندى. ئۇ چىراغداننى چېدىردىكى مۇقەددەس جاي ئىچىدىكى جەنۇب تەرەپكە شىرە بىلەن ئۇدۇل قىلىپ قويۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا چىراغنى يېقىپ قويدى. بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغانلىرى بويىچە قىلىندى. ئۇ ئالتۇن ئىسرىقداننى چېدىرنىڭ ئىچىگە، ئەڭ مۇقەددەس جاينى ئايرىپ تۇرىدىغان يوپۇق پەردىسىنىڭ ئالدىغا قويۇپ، ئىسرىقداندا خۇشبۇي ئىسرىقنى كۆيدۈردى. بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغانلىرى بويىچە قىلىندى. ئۇ چېدىر ئاغزىغا پەردە ئاستى. پەردىنىڭ ئالدىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئۈستىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە بۇغداي نەزىر-چىرىغىنى قويدى. بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغانلىرى بويىچە قىلىندى. مۇسا پاكلىنىش دېسىنى ئىبادەت چېدىرى - پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئارىسىغا قويۇپ، پاكلىنىشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن داسقا سۇ تولدۇرۇپ قويدى. مۇسا چېدىر ۋە قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ چۆرىسىگە توسۇق پەردە تارتىپ، ھويلا قىلدى ھەمدە ئۇنىڭ كىرىش ئاغزىغا پەردە ئاستى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ پۈتۈن ئىشنى تاماملىدى. ئۇ چاغدا، پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرىنى بۇلۇت قاپلاپ، چېدىر پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى بىلەن تولدى. مۇسا چېدىرغا كىرەلمىدى. چۈنكى، بۇلۇت چېدىر ئۈستىگە قونۇپ، چېدىر ئىچى پەرۋەردىگارنىڭ نۇرى بىلەن تولغانىدى. بۇلۇت چېدىردىن ھەربىر كۆتۈرۈلگەندە، ئىسرائىللارغا سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇش بەلگىسىنى بېرەتتى. بۇلۇت كۆتۈرۈلمىسە، ئۇلار قارارگاھتىن قوزغالمايتتى. ئۇلار پۈتۈن سەپىرىدە، كۈندۈزى پەرۋەردىگارنىڭ بۇلۇتىنى چېدىرنىڭ ئۈستىدە كۆرەتتى. كېچىسى بولسا بۇلۇت ئىچىدە كۆيۈۋاتقان ئوتنى كۆرەتتى. پەرۋەردىگار ئۇچرىشىش چېدىرىدىن مۇسانى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، سىلەردىن بىرسى مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇنماقچى بولسا، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلىرىدىن قۇربانلىق قىلسۇن. ئەگەر كالىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، مېنىڭ قۇربانلىقنى قوبۇل قىلىشىم ئۈچۈن ھەممە ئەزايى بېجىرىم بولغان بۇقىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلسۇن. قۇربانلىق سۇنغۇچى قۇربانلىق قىلغاندا، قولىنى قۇربانلىق بۇقىنىڭ بېشىغا قويسۇن. شۇندىلا قىلغان قۇربانلىقى قوبۇل قىلىنىپ، گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ. ئاندىن قۇربانلىق سۇنغۇچى بۇقىنى ھۇزۇرۇمدا بوغۇزلىسۇن. ئۇنىڭدىن كېيىن ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى، يەنى روھانىيلار قۇربانلىقنىڭ قېنىنى ئېلىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدىكى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چاچسۇن. قۇربانلىق سۇنغۇچى بۇقىنىڭ تېرىسىنى سويۇپ، تېنىنى پارچىلىسۇن. ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى، يەنى روھانىيلار قۇربانلىق سۇپىسىدىكى ئوتنى يالقۇنلىتىپ، ئۈستىگە ئوتۇن تاشلىسۇن. ئاندىن قۇربانلىقنىڭ پارچىلىرىنى، بېشىنى ۋە چاۋا مايلىرىنى قۇربانلىق سۇپىسىدىكى كۆيۈۋاتقان ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قويسۇن. قۇربانلىق سۇنغۇچى قۇربانلىقنىڭ ئىچ-قارنىنى، پۇت-پاچاقلىرىنى يۇيسۇن، ئاندىن روھانىي ھەممىسىنى قۇربانلىق سۇپىسىدىكى ئوتتا كۆيدۈرسۇن. بۇ خىل كۆيدۈرمە قۇربانلىق مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ. ئەگەر قوي ياكى ئۆچكىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، چوقۇم بېجىرىم قوچقار ياكى تېكىنى ئېلىپ كەلسۇن. قۇربانلىقنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا، يەنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ شىمالىي تەرىپىدە بوغۇزلىسۇن. ئاندىن ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى، يەنى روھانىيلار قۇربانلىقنىڭ قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چاچسۇن. قۇربانلىق سۇنغۇچى قۇربانلىقنى پارچىلىسۇن. ئاندىن روھانىي قۇربانلىق پارچىلىرىنى، قۇربانلىقنىڭ بېشىنى ۋە چاۋا مايلىرىنى قۇربانلىق سۇپىسىدىكى كۆيۈۋاتقان ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قويسۇن. قۇربانلىق سۇنغۇچى قۇربانلىقنىڭ ئىچ-قارنىنى، پۇت-پاچاقلىرىنى يۇيسۇن. ئاندىن روھانىي ھەممىسىنى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. بۇ خىل كۆيدۈرمە قۇربانلىق مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ. ئەگەر بىرسى ماڭا ئاتاپ قۇشنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، پاختەك ياكى ياش كەپتەرنى ئېلىپ كەلسۇن. روھانىي قۇشنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىغا ئەكېلىپ، بوينىنى تولغاپ ئۈزسۇن، بېشىنى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يان تەرىپىگە تېمىتسۇن. تاشلىقىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ شەرقىدىكى كۈل تۆكىدىغان يەرگە تاشلىۋەتسۇن. روھانىي قۇشنى ئىككى قانىتىدىن تۇتۇپ ئىككىگە بۆلسۇن، لېكىن ئۈزۈۋەتمىسۇن. ئاندىن قۇشنى قۇربانلىق سۇپىسىدىكى كۆيۈۋاتقان ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قويۇپ كۆيدۈرسۇن. بۇ خىل كۆيدۈرمە قۇربانلىق مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ. _ ئەگەر بىرسى مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنماقچى بولسا، سۈپەتلىك بۇغداي ئۇنى سۇنسۇن. ئۇنغا زەيتۇن يېغى قۇيسۇن ۋە مەستىكى رۇمى قويسۇن. ئۇننى ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى، يەنى روھانىيلارنىڭ ئالدىغا ئاپارسۇن. روھانىي زەيتۇن يېغى قۇيۇلغان ئۇندىن بىر چاڭگال ۋە قويۇلغان مەستىكى رۇمىنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ، نىشانە سۈپىتىدە قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. بۇ خىل ئاشلىق ھەدىيەسى مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ. قالغان قىسمى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋە بولسۇن. بۇ ماڭا ئاتالغان ئەڭ مۇقەددەس تائام ھەدىيەسى ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر تونۇردا يېقىلغان ناننى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنماقچى بولسا، سۈپەتلىك ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلۇپ پىشۇرۇلغان پېتىر توقاچ ياكى يۈزىگە زەيتۇن يېغى سۈرتۈلگەن نېپىز پېتىر نانلار سۇنسۇن. ئەگەر تاۋىدا پىشۇرۇلغان ناننى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنماقچى بولسا، زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان سۈپەتلىك ئۇندا پىشۇرۇلغان پېتىر نان سۇنسۇن. پېتىر ناننى پارچىلاپ، ئۈستىگە زەيتۇن يېغى قۇيسۇن. بۇ ئاشلىق ھەدىيەسىدۇر. ئەگەر قازاندا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكنى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنماقچى بولسا، سۈپەتلىك ئۇندا قىلىنغان ۋە زەيتۇن يېغىدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكنى سۇنسۇن. ئاشلىق ھەدىيەسىنىڭ قايسى ئۇسۇلدا تەييارلانغىنىدىن قەتئىينەزەر ئۇنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا ئېلىپ كېلىپ، روھانىيغا تاپشۇرۇپ بەرسۇن. روھانىي ئۇنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىغا ئېلىپ بارسۇن ۋە ئۇنىڭدىن ئازراق ئوشتۇپ ئېلىپ، نىشانە سۈپىتىدە قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. بۇ خىل ئاشلىق ھەدىيەسى مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ. قالغان قىسمى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋە بولسۇن. بۇ ماڭا ئاتالغان ئەڭ مۇقەددەس تائام ھەدىيەسى ھېسابلىنىدۇ. ماڭا ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇلىدىغان ھەرقانداق كۆيدۈرمە ھەدىيەلەرگە خېمىرتۇرۇچ ئارىلاشتۇرۇلمىسۇن. چۈنكى خېمىرتۇرۇچ ياكى ھەسەلنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ، تائام ھەدىيەسى سۈپىتىدە ماڭا ئاتاشقا بولمايدۇ. لېكىن تۇنجى ئېلىنغان ھوسۇلدىن قىلىنغان يېمەكلىككە خېمىرتۇرۇچ ۋە ھەسەل قوشۇپ ماڭا ھەدىيە قىلسا بولىدۇ. ئەمما ئۇلارنى مەن خۇدانى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيە سۈپىتىدە قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرۈشكە بولمايدۇ. بارلىق ئاشلىق ھەدىيەلىرىگە تۇز سېلىنسۇن. تۇز مەن خۇدانىڭ ئىسرائىللار بىلەن تۈزگەن ئەھدىنىڭ مەڭگۈلۈك ئىكەنلىكىنىڭ سىمۋولىدۇر، تۇز سېلىنمىغان بىرەر ھەدىيە بولمىسۇن. بىرەرسى تۇنجى ئېلىنغان ھوسۇلدىن ماڭا ئاتاپ ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنماقچى بولسا، ئالدى بىلەن يېڭى داننى ئوتتا قورۇپ، ئاندىن يارما قىلىپ، ئۇنىڭغا زەيتۇن يېغى ۋە مەستىكى رۇمى قوشسۇن. بۇ ئاشلىق ھەدىيەسىدۇر. روھانىي بۇغداي يارمىسى بىلەن زەيتۇن يېغىدىن ئازراق ۋە مەستىكى رۇمىنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ، نىشانە سۈپىتىدە قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. بۇ ماڭا ئاتالغان تائام ھەدىيەسى ھېسابلىنىدۇ. _ ئەگەر بىرسى كالىنى ئامانلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، بېجىرىم بۇقا ياكى سىيىرنى قۇربانلىق قىلسۇن. قۇربانلىق سۇنغۇچى كالىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، قولىنى كالىنىڭ بېشىغا قويسۇن، ئاندىن بوغۇزلىسۇن. ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى، يەنى روھانىيلار قۇربانلىقنىڭ قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چاچسۇن. قۇربانلىق سۇنغۇچى ئامانلىق قۇربانلىقىدىن مەن پەرۋەردىگارغا تائام ھەدىيەسى سۇنسۇن، يەنى قۇربانلىق سۇنغۇچى قۇربانلىقنىڭ بارلىق چاۋا مايلىرى، ئىككى بۆرىكى، بۆرەك مېيى ۋە جىگىرىنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىنى چىقىرىۋالسۇن. بۇلارنى ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قۇربانلىق سۇپىسىدىكى كۆيۈۋاتقان ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قويۇپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن بىرلىكتە كۆيدۈرسۇن. بۇ خىل ئامانلىق قۇربانلىقى مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ. ئەگەر بىرسى قوي ياكى ئۆچكىنى ئامانلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە ماڭا سۇنماقچى بولسا، مەيلى ئەركەك، مەيلى چىشى بولسۇن، چوقۇم بېجىرىم بولسۇن. ئەگەر سۇنماقچى بولغىنى قوي بولسا، قۇربانلىق سۇنغۇچى قوينى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا ئېلىپ كېلىپ، قولىنى قوينىڭ بېشىغا قويسۇن، ئاندىن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا بوغۇزلىسۇن. ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قوينىڭ قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چاچسۇن. قۇربانلىق سۇنغۇچى ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ مايلىرىنى چىقىرىۋېلىپ، مەن پەرۋەردىگارغا تائام ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنسۇن. ئۇ ئومۇرتقىسىدىن پۈتۈن قۇيرۇق مېيىنى چىقىرىۋالسۇن ھەمدە قۇربانلىقنىڭ بارلىق چاۋا مايلىرىنى، ئىككى بۆرىكىنى، بۆرەك مېيىنى ۋە جىگىرىنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىنى چىقىرىۋالسۇن. بۇلارنى روھانىي قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. بۇ، ماڭا ئاتالغان تائام ھەدىيەسى بولىدۇ. ئەگەر سۇنماقچى بولغىنى ئۆچكە بولسا، سۇنغۇچى ئۆچكىنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا ئېلىپ كېلىپ، قولىنى ئۆچكىنىڭ بېشىغا قويسۇن، ئاندىن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا بوغۇزلىسۇن. ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى ئۆچكىنىڭ قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چاچسۇن. قۇربانلىق سۇنغۇچى مەن پەرۋەردىگارغا تائام ھەدىيەسى سۇنۇش ئۈچۈن، قۇربانلىق ئۆچكىنىڭ بارلىق چاۋا مايلىرىنى، ئىككى بۆرىكىنى، بۆرەك مېيىنى ۋە جىگىرىنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىنى چىقىرىۋالسۇن. بۇلارنى روھانىيلار قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. بۇلار مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ. بارلىق مايلار ماڭا تەئەللۇقتۇر. ماي ۋە قاننى قەتئىي يېمىسۇن. ئىسرائىللار قەيەردە ياشىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادمۇئەۋلاد ئىتائەت قىلسۇن. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، ئەگەر بىرسى بىخەستەلىكتىن مەن پەرۋەردىگارنىڭ چەكلەش ئەمرلىرىنىڭ بىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قالسا، تۆۋەندىكىچە ئىش كۆرۈلسۇن: ئەگەر باش روھانىي گۇناھ سادىر قىلىپ، پۈتۈن جامائەتنى ئەيىبدار قىلىپ قويغان بولسا، ئۇ چوقۇم قىلغان گۇناھى ئۈچۈن بېجىرىم بىر بۇقىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە ماڭا ئاتىسۇن. بۇقىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، قولىنى بۇقىنىڭ بېشىغا قويسۇن، ئاندىن مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا بوغۇزلىسۇن. باش روھانىي ئۇچرىشىش چېدىرىغا بۇقىنىڭ قېنىدىن ئازراق ئېلىپ كىرىپ، بارمىقىنى قانغا تەگكۈزۈپ، قاننى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ئەڭ مۇقەددەس جاينى توسۇپ تۇرغان پەردە تەرەپكە قارىتىپ، يەتتە قېتىم چاچسۇن. ئاندىن قاننىڭ بىر قىسمىنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ئۇچرىشىش چېدىرى ئىچىدە تۇرغان خۇشبۇي ئىسرىق سېلىنىدىغان ئىسرىقداننىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سۈركەپ قويسۇن. ئېشىپ قالغان قاننى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆكۈۋەتسۇن. ئۇ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىنغان بۇقىنىڭ بارلىق چاۋا مايلىرى، ئىككى بۆرىكى، بۆرەك مېيى ۋە جىگىرىنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىنى چىقىرىۋالسۇن. ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغان بۇقىنىڭ مايلىرىنى قانداق چىقىرىۋالغان بولسا، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنىڭ مايلىرىنىمۇ شۇنداق چىقىرىۋالسۇن. ئۇ بۇ مايلارنى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى مەن پەرۋەردىگارنىڭ چەكلەش ئەمرلىرىنىڭ بىرىگە بىخەستەلىكتىن خىلاپلىق قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزۈپ سالسىمۇ، ئوخشاشلا گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئىش ئۇلارغا مەلۇم بولغاندىن كېيىن، چوقۇم بىر تۇياق بۇقىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلسۇن. جامائەتنىڭ ئاقساقاللىرى قوللىرىنى بۇقىنىڭ بېشىغا قويسۇن، ئاندىن ئۇنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا بوغۇزلىسۇن. باش روھانىي ئۇچرىشىش چېدىرىغا بۇقىنىڭ قېنىدىن ئازراق ئېلىپ كىرىپ، بارمىقىنى قانغا تەگكۈزۈپ، قاننى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا پەردە تەرەپكە قارىتىپ، يەتتە قېتىم چاچسۇن. ئاندىن قاننىڭ بىر قىسمىنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ئۇچرىشىش چېدىرى ئىچىدە تۇرغان ئىسرىقداننىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سۈركەپ قويسۇن. ئېشىپ قالغان قاننى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدىكى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆكۈۋەتسۇن. ئۇ بۇقىنىڭ بارلىق مايلىرىنى چىقىرىپ، قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. روھانىي گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە بوغۇزلىنىدىغان بۇقىنى قانداق قىلغان بولسا، بۇ بۇقىنىمۇ شۇنداق قىلسۇن. شۇندىلا خەلقنىڭ گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ ۋە ئۇلار كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. ئاندىن روھانىي بۇقىنىڭ قالغان قىسمىنى قارارگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ، ئالدىنقى بۇقىنى قانداق كۆيدۈرگەن بولسا، بۇنىمۇ شۇنداق كۆيدۈرسۇن. بۇ جامائەتنىڭ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر يېتەكچىلەردىن بىرى مەنكى پەرۋەردىگار خۇدانىڭ چەكلەش ئەمرلىرىنىڭ بىرىگە بىخەستەلىكتىن خىلاپلىق قىلىپ سالسىمۇ، ئوخشاشلا گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ. يېتەكچىنىڭ قىلغان گۇناھى مەلۇم بولغاندىن كېيىن، ئۇ چوقۇم بېجىرىم بولغان تېكىدىن بىرنى قۇربانلىق قىلسۇن. ئۇ قولىنى تېكىنىڭ بېشىغا قويسۇن ۋە ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بوغۇزلىنىدىغان جايدا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بوغۇزلىسۇن. بۇ ئۇنىڭ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ھېسابلىنىدۇ. روھانىي بارمىقىنى تېكىنىڭ قېنىغا تەگكۈزۈپ، قاننى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سۈركەپ قويسۇن، قالغىنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆكۈۋەتسۇن. خۇددى ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ مايلىرىنى كۆيدۈرگەنگە ئوخشاش، تېكىنىڭ بارلىق مايلىرىنى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. شۇندىلا ئۇنىڭ گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ ۋە ئۇ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. ئەگەر ئادەتتىكى بىر كىشى بىخەستەلىكتىن مېنىڭ چەكلەش ئەمرلىرىمنىڭ بىرىگە خىلاپلىق قىلىپ سالسىمۇ، ئوخشاشلا گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ. قىلغان گۇناھى مەلۇم بولغاندىن كېيىن، چوقۇم بېجىرىم بولغان چىشى ئۆچكىدىن بىرنى قۇربانلىق ئۈچۈن ئېلىپ كەلسۇن. ئۇ قولىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنىڭ بېشىغا قويسۇن، ئاندىن ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بوغۇزلىنىدىغان جايدا بوغۇزلىسۇن. روھانىي بارمىقىنى قۇربانلىقنىڭ قېنىغا تەگكۈزۈپ، قاننى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سۈركەپ قويسۇن، قالغىنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆكۈۋەتسۇن. قۇربانلىق سۇنغۇچى خۇددى ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ مايلىرىنى چىقارغانغا ئوخشاش ئۆچكىنىڭ مايلىرىنىمۇ چىقىرىۋالسۇن. روھانىي ھەممە ماينى مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيە سۈپىتىدە قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. شۇندىلا ئۇنىڭ گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ ۋە ئۇ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. ئەگەر ئادەتتىكى بىر كىشى بىر قوينى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئېلىپ كەلسە، چوقۇم بېجىرىم بولغان ساغلىق بولسۇن. ئۇ قولىنى قوينىڭ بېشىغا قويسۇن، ئاندىن ئۇنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بوغۇزلىنىدىغان جايدا بوغۇزلىسۇن. روھانىي بارمىقىنى قۇربانلىقنىڭ قېنىغا تەگكۈزۈپ، قاننى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سۈركەپ قويسۇن، قالغىنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆكۈۋەتسۇن. قۇربانلىق سۇنغۇچى خۇددى ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغان قوينىڭ مايلىرىنى چىقارغانغا ئوخشاش، ساغلىقنىڭمۇ مايلىرىنى چىقارسۇن. روھانىي ھەممە ماينى قۇربانلىق سۇپىسىدا مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان تائام ھەدىيەسى بىلەن بىرگە كۆيدۈرسۇن. شۇندىلا روھانىي ئۇنى ئۇ سادىر قىلغان گۇناھتىن ساقىت قىلىدۇ ۋە ئۇ كىشى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. _ سوت مەلۈم ۋەقە ھەققىدە گۇۋاھچى ئىزدەپ، ئېلان چىقارسا، لېكىن ۋەقەنى كۆرگۈچى ياكى بىلگۈچى ئۆزىنىڭ كۆرگەن، بىلگەنلىرى ھەققىدە سوتتا گۇۋاھلىق بېرىشنى خالىمىسا، جازايىمغا ئۇچرايدۇ. ئەگەر بىرسى مەيلى ياۋايى ھايۋان، مەيلى ئۆي ھايۋىنى بولسۇن، ھەرقانداق بىر ھارام ھايۋاننىڭ ئۆلۈكىگە ياكى ھارام ئۆمىلىگۈچى جانلىقلارنىڭ ئۆلۈكىگە بىخەستەلىكتىن تېگىپ كەتسە ۋە كېيىن ئۆزىنىڭ ناپاك بولغانلىقىنى بىلسە، يەنىلا ئەيىبكار ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بىرسى باشقىلارنىڭ تېنىدىن چىققان ناپاك نەرسىگە بىخەستەلىكتىن تېگىپ كەتسە ۋە كېيىن ئۆزىنىڭ ناپاك بولغانلىقىنى بىلسە، ئوخشاشلا ئەيىبكار ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بىرسى مەيلى ياخشى نىيەتتىن، مەيلى يامان نىيەتتىن بولسۇن، ئويلانمايلا قەسەم قىلغان بولسا ۋە كېيىن ئۆزىنىڭ ئويلانمايلا قەسەم قىلغانلىقىنى بىلسە، ئوخشاشلا ئەيىبكار ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بىرسى يۇقىرىدا ئېيتىلغانلارنىڭ بىرەرسىدە ئۆزىنى ئەيىبكار دەپ بىلسە، ئۇ قىلغان گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلسۇن. ئۇ ئۆتكۈزگەن گۇناھىنىڭ بەدىلى ئۈچۈن مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر تۇياق بېجىرىم ساغلىق ياكى چىشى ئۆچكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئېلىپ كەلسۇن. شۇندىلا ئۇنىڭ گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ قوي ياكى ئۆچكىنى قۇربانلىق قىلىشقا قۇربى يەتمىسە، ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەرنى گۇناھىنىڭ بەدىلى ئۈچۈن ماڭا ئاتاپ ئېلىپ كەلسۇن. بىرى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى، يەنە بىرى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بولسۇن. قۇربانلىق سۇنغۇچى ئۇلارنى روھانىينىڭ يېنىغا ئېلىپ كەلسۇن. روھانىي ئالدى بىلەن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر پاختەكنىڭ بوينىنى تولغاپ سۇندۇرسۇن، لېكىن بېشىنى بىراقلا ئۈزۈۋەتمىسۇن. پاختەكنىڭ ئازراق قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يان تەرىپىگە سەپسۇن، قالغىنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تېمىتسۇن. بۇ، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىدۇر. ئىككىنچى پاختەكنى روھانىي قائىدە بويىچە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلسۇن. شۇندىلا ئۇنىڭ گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ ۋە ئۇ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. ئەگەر ئۇ قۇربانلىق قىلىشقا ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەر تاپالمىسا، بىر كىلو سۈپەتلىك ئۇننى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئېلىپ كەلسۇن. سۈپەتلىك ئۇنغا زەيتۇن يېغى ياكى مەستىكى رۇمى قوشۇشقا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش ھەدىيەسىدۇر. ئۇ سۈپەتلىك ئۇننى روھانىيغا ئېلىپ بارسۇن، روھانىي ئۇندىن بىر چاڭگال ئېلىپ، نىشانە سۈپىتىدە قۇربانلىق سۇپىسىدا پەرۋەردىگارغا ئاتالغان تائام ھەدىيەسىنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. بۇ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش ھەدىيەسىدۇر. شۇندىلا روھانىي ئۇ كىشىنى گۇناھتىن ساقىت قىلىدۇ ۋە ئۇ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش ھەدىيەسىدىن قالغان ئۇنلار خۇددى ئاشلىق ھەدىيەلىرىدەك، روھانىيغا تەۋە بولىدۇ. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ ئەگەر بىر كىشى بىخەستەلىكتىن ماڭا ئاتىلىدىغان مۇقەددەس نەرسىلەرگە ئائىت قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ گۇناھ ئۆتكۈزسە، ئەيىب قۇربانلىقى سۈپىتىدە قوي پادىلىرىدىن بېجىرىم بىر قوچقارنى ماڭا ئاتىسۇن. قوچقارنىڭ باھاسى مۇقەددەس جاينىڭ كۈمۈش ئۆلچىمى بويىچە بېكىتىلسۇن. ئۇ سەۋەنلىكى سەۋەبىدىن ئاتىيالمىغان نەرسىلىرىنى ئاتىغاندىن سىرت، ئۇنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنىڭ قىممىتىگە توغرا كېلىدىغان نەرسىنى قوشۇپ روھانىيغا بەرسۇن. روھانىي قوچقارنى ئەيىب قۇربانلىقى قىلىپ، ئۇ كىشىنى گۇناھتىن ساقىت قىلىدۇ ۋە ئۇ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. ئەگەر بىرسى بىخەستەلىكتىن مېنىڭ چەكلەش ئەمرلىرىمنىڭ بىرىگە خىلاپلىق قىلىپ سالغان بولسا، ئۇ ئوخشاشلا گۇناھكار ھېسابلىنىپ، جازايىمغا ئۇچرايدۇ. ئۇ مۇۋاپىق باھادىكى بېجىرىم بىر قوچقارنى ئەيىب قۇربانلىقى سۈپىتىدە روھانىيغا ئېلىپ كەلسۇن. شۇندىلا روھانىي ئۇنى بىخەستەلىكتىن سادىر قىلغان گۇناھىدىن ساقىت قىلىدۇ ۋە ئۇ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. بۇ ئەيىب قۇربانلىقىدۇر، چۈنكى ئۇ مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ئەيىبلىك ئىش قىلغاندۇر. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ ئەگەر بىرسى ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزسە، يەنى بىرسى ساقلاپ بېرىشكە ئامانەت قويغان ياكى گۆرۈگە قويغان نەرسىگە خىيانەت قىلسا، ياكى بىرسىنىڭ نەرسىسىنى ئوغرىلىۋالسا، ياكى بىرسىنىڭ نەرسىسىنى ناھەق يول بىلەن ئۆزىنىڭ قىلىۋالسا، ياكى تېپىۋالغان نەرسىسىنى ئېتىراپ قىلمىسا ۋە يۇقىرىدىكى ئىشلارنى قىلمىدىم، دەپ مەن خۇدانىڭ نامى بىلەن يالغان قەسەم قىلسا، ئوغرىلىۋالغان، ئىگىلىۋالغان، ئالدىۋالغان ۋە تېپىۋالغان ھەرقانداق نەرسىنى قايتۇرۇپ بەرسۇن ۋە ئۈستىگە ئەسلى باھاسىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى قوشۇپ، ئەيىب قۇربانلىقى سۇنغان كۈننىڭ ئۆزىدە ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەرسۇن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ ئەيىب قۇربانلىقى سۈپىتىدە بېجىرىم ۋە مۇۋاپىق باھادىكى قوچقاردىن بىرنى ماڭا ئاتاپ، روھانىيغا ئېلىپ كەلسۇن. روھانىي ئۇنى ھۇزۇرۇمدا قۇربانلىق قىلسۇن. شۇندىلا ئۇنىڭ ھەرقانداق گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ ۋە گۇناھكارمۇ گۇناھلىق ئىشلىرىدىن كەچۈرۈمگە ئېرىشىدۇ. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سەن ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق توغرىسىدا بەلگىلىمىلەرنى يەتكۈزگىن. كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانلىق سۇپىسىدىكى شالادا پۈتۈن كېچە كۆيۈپ تۇرسۇن، ئوت ئۆچۈپ قالمىسۇن. ئەتىگەندە روھانىي زىغىر رەختتە قىلىنغان تونچە كۆڭلەك ۋە تامبال كىيىپ، قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرۈلگەن قۇربانلىقنىڭ كۈلىنى تازىلاپ ئېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىغا قويسۇن. ئاندىن ئۈستىدىكى كىيىملەرنى يېشىپ، باشقا كىيىملەرنى كىيىپ، كۈلنى قارارگاھ سىرتىدىكى پاك بىر جايغا تۆكسۇن. قۇربانلىق سۇپىسىدىكى ئوت داۋاملىق كۆيۈپ تۇرسۇن، ئۆچۈپ قالمىسۇن. روھانىي ھەر كۈنى ئەتىگىنى قۇربانلىق سۇپىسىدىكى ئوتقا ئوتۇن سېلىپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى ئوتقا قويۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ مايلىرىنى كۆيدۈرسۇن. قۇربانلىق سۇپىسىدىكى ئوت داۋاملىق كۆيۈپ تۇرسۇن، ئۆچۈپ قالمىسۇن. _ ئاشلىق ھەدىيەسى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر تۆۋەندىكىدەكتۇر: ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدىكى ھەدىيەلەرنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىدا مەن پەرۋەردىگارغا ئاتىسۇن. روھانىي زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان سۈپەتلىك ئۇندىن بىر چاڭگال ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىكى مەستىكى رۇمىنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ، نىشانە سۈپىتىدە قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. بۇ خىل ئاشلىق ھەدىيەسى مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ. ئاشلىق ھەدىيەسىنىڭ قالغان قىسمىدا ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا پېتىر نان پىشۇرۇپ يېسۇن. نانغا خېمىرتۇرۇچ قوشمىسۇن. ماڭا ئاتاپ تائام ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنغان بۇ ئاشلىق ھەدىيەسىنىڭ قالغان قىسمى روھانىيلارنىڭ نېسىۋىسىدۇر. بۇ خۇددى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ۋە ئەيىب قۇربانلىقىغا ئوخشاش ئەڭ مۇقەددەستۇر. ھارۇننىڭ ئەۋلادىدىن بولغان ئەرلەرنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بۇ تائام ھەدىيەسىدىن يېسە بولىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئەۋلادىدىن ئەۋلادىغىچە داۋاملىشىدىغان مەڭگۈلۈك ئۈلۈشىدۇر. بۇ مۇقەددەس ھەدىيەلەرگە باشقىلار تەگسە، تەگكۈچى مۇقەددەس كۈچنىڭ زەخىملەندۈرۈشىگە ئۇچرايدۇ. پەرۋەردىگار يەنە مۇساغا مۇنداق دېدى: _ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى روھانىيلىققا تەيىنلەنگەن كۈنى ماڭا ھەدىيە سۇنسۇن. ئۇلارنىڭ سۇنىدىغان ئاشلىق ھەدىيەسى بىر كىلو سۈپەتلىك ئۇندىن تەييارلانسۇن. ئۇنىڭ يېرىمى ئەتىگەندە، يېرىمى كەچتە سۇنۇلسۇن. بۇ ھەدىيە ئۇنى زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلۇپ، خېمىر قىلىپ يۇغۇرۇلۇپ، تاۋىدا پىشۇرۇلسۇن. ئاندىن پىشۇرۇلغان نان پارچىلىنىپ، مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنۇلسۇن. باش روھانىيلىققا تەيىنلەنگەن ھارۇننىڭ ئوغلىمۇ مۇشۇنداق ھەدىيەنى سۇنسۇن. ھەر قېتىملىق روھانىيلىققا تەيىنلىنىش مۇراسىمىدا سۇنۇلغان ھەدىيە مېنىڭ ئۈلۈشۈم بولۇپ، ئۇ پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈلسۇن. روھانىيلار سۇنغان ھەرقانداق ئاشلىق ھەدىيەلىرى پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈلسۇن، ئۇنى يېيىشكە بولمايدۇ. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەرنى يەتكۈزگىن. ئۇلار مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق بوغۇزلىنىدىغان يەردە گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنى بوغۇزلىسۇن، بۇ قۇربانلىق ئەڭ مۇقەددەستۇر. گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنى سۇنغان روھانىي قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يېسۇن. بۇ گۆشكە قۇربانلىقنى سۇنغان روھانىيدىن باشقا كىم تېگىپ كەتسە، شۇ كىشى مۇقەددەس كۈچنىڭ زەخىملەندۈرۈشىگە ئۇچرايدۇ. ئەگەر بىرەر كىيىمگە قۇربانلىقنىڭ قېنى چاچراپ كەتكەن بولسا، شۇ كىيىم جەزمەن مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يۇيۇلسۇن. بۇ قۇربانلىقنىڭ گۆشى پىشۇرۇلغان قازان ساپال قازان بولسا، چېقىۋېتىلسۇن؛ تۇچ قازان بولسا، سۈرتۈپ تازىلىنىپ، چايقالسۇن. روھانىيلارنىڭ ئائىلىسىدىن ھەرقانداق ئەر كىشى بۇ قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن يېسە بولىدۇ، بۇ قۇربانلىق ئەڭ مۇقەددەستۇر. لېكىن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنىڭ قېنى كىشىلەرنى گۇناھتىن ساقىت قىلىش ئۈچۈن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىچىگە، يەنى مۇقەددەس جايغا ئېلىپ كىرىلسە، بۇنداق قۇربانلىقنىڭ گۆشى يېيىلمىسۇن، بەلكى كۆيدۈرۈلسۇن. _ ئەيىب قۇربانلىقى ئەڭ مۇقەددەس بولۇپ، ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرى تۆۋەندىكىدەكتۇر: ئەيىب قۇربانلىقى كۆيدۈرمە قۇربانلىق بوغۇزلىنىدىغان يەردە بوغۇزلانسۇن. قېنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چېچىلسۇن. روھانىي قۇربانلىقنىڭ بارلىق مايلىرىنى، يەنى قۇيرۇق مېيى، چاۋا مايلىرى، بۆرەك مېيى، ئىككى بۆرىكى ۋە جىگىرىنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىنى چىقىرىۋالسۇن. روھانىي بۇلارنى قۇربانلىق سۇپىسىدا تائام ھەدىيەسى سۈپىتىدە كۆيدۈرۈپ، مەن پەرۋەردىگارغا سۇنسۇن. بۇ ئەيىب قۇربانلىقى بولىدۇ. روھانىيلارنىڭ ئائىلىسىدىن ھەرقانداق ئەر كىشى بۇ قۇربانلىقنى يېسە بولىدۇ. بۇنى مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يېسۇن، بۇ قۇربانلىق ئەڭ مۇقەددەستۇر. گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ياكى ئەيىب قۇربانلىقى بولسۇن، ھەممىسىنىڭ بەلگىلىمىسى ئوخشاش بولۇپ، قۇربانلىقلارنىڭ گۆشى گۇناھتىن ساقىت قىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەن روھانىيغا تەۋە بولىدۇ. بىرەر كىشىنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى سۇنغان روھانىي قۇربانلىق مالنىڭ تېرىسىگە ئىگە بولىدۇ. ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇلغان ھەرقانداق ھەدىيەلەر مەيلى تونۇردا، مەيلى قازاندا ياكى تاۋىدا پىشۇرۇلغان بولسۇن، ھەممىسى ئۇلارنى سۇنغان روھانىيغا تەۋە بولىدۇ. لېكىن ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇلغىنى ئۇن بولسا، ئۇنىڭغا مەيلى زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلسۇن ياكى ئارىلاشتۇرۇلمىسۇن، ھەممىسى ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىغا تەڭ تەۋە بولىدۇ. _ مەن پەرۋەردىگارغا ئامانلىق قۇربانلىقى سۇنۇشقا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر تۆۋەندىكىدەكتۇر: ئەگەر بىرسى ماڭا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولسا، مىننەتدارلىق قۇربانلىقى بىلەن بىرگە زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان پېتىر توقاچ، زەيتۇن يېغى سۈرتۈلگەن نېپىز پېتىر نان ۋە سۈپەتلىك ئۇندا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلۇپ يۇغۇرۇلغان خېمىردا قىلىنغان توقاچنى سۇنسۇن. مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن سۇنۇلىدىغان ئامانلىق قۇربانلىقىغا قوشۇپ خېمىرتۇرۇچ سېلىنغان توقاچمۇ سۇنسۇن. نانلارنىڭ ھەربىر تۈرىدىن بىرى مېنىڭ نېسىۋەم بولسۇن. بۇ نانلار ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ قېنىنى چاچقان روھانىيغا تەۋە بولسۇن. مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن سۇنۇلىدىغان ئامانلىق قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى روھانىي شۇ كۈنىلا يېۋەتسۇن، ئەتىسىگە قالدۇرمىسۇن. سۇنۇلغان ئامانلىق قۇربانلىقى مەيلى ئىچكەن قەسىمىنى ئورۇنداش ئۈچۈن قىلىنغان ياكى خالىس قىلىنغان بولسۇن، قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى شۇ كۈنى يەپ بولالمىسا، ئەتىسى يېسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر قۇربانلىقنىڭ گۆشى ئۈچىنچى كۈنىگە ئېشىپ قالسا، چوقۇم كۆيدۈرۈلسۇن. ناۋادا ئۈچىنچى كۈنىمۇ يەنە ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ گۆشى يېيىلسە، قۇربانلىق قوبۇل بولمايدۇ ھەم قۇربانلىق ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى بۇ قۇربانلىق سېسىپ كەتكەن ھېسابلىنىدۇ. ئۇنى يېگۈچى جازايىمغا ئۇچرايدۇ. ئەگەر ئامانلىق قۇربانلىقى ھەرقانداق بىر ناپاك نەرسىگە تېگىپ كەتسە، ئۇنى يېيىشكە بولمايدۇ، ئۇ كۆيدۈرۈلسۇن. لېكىن ئامانلىق قۇربانلىقى ناپاك بولمىغان بولسا، ئۇنى ھەرقانداق پاك كىشى يېسە بولىدۇ. ئەگەر ناپاك بىر ئادەم ماڭا ئاتالغان ئامانلىق قۇربانلىقىدىن يەپ سالسا، ئۇ ئادەم خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. ھەرقانداق بىر ئادەم باشقىلارنىڭ تېنىدىن چىققان ناپاك نەرسىگە، ھارام ھايۋاننىڭ ئۆلۈكىگە ياكى باشقا ھەرقانداق ناپاك، يىرگىنچلىك نەرسىگە تېگىپ كەتكەندىن كېيىن ماڭا ئاتالغان ئامانلىق قۇربانلىقىدىن يەپ سالسا، ئۇ كىشى خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «كالا، قوي ۋە ئۆچكىنىڭ مېيىنى يېمەڭلار. يىرتقۇچ ھايۋانلار ئۆلتۈرۈپ قويغان ياكى ئۆزلۈكىدىن ئۆلۈپ قالغان ھايۋانلارنىڭ مېيىنىمۇ يېمەڭلار، لېكىن ئۇنى باشقا ئىشلارغا ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ. ھەرقانداق بىر كىشى ماڭا تائام ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇلغان قۇربانلىقنىڭ مېيىنى يېسە، ئۇ خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. مەيلى سىلەر نەدە بولماڭلار، قۇشنىڭ ۋە ھايۋاننىڭ قېنىنى يېمەڭلار. قان يېگۈچىلەر خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.» پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، كىمكى ئامانلىق قۇربانلىقى سۇنسا، ئۇنىڭ بىر قىسىم گۆشىنى ھەدىيە سۈپىتىدە ماڭا ئاتىسۇن. ماڭا ئاتالغان تائام ھەدىيەسىنى، يەنى قۇربانلىقنىڭ مايلىرىنى ۋە تۆشىنى ئۆز قولى بىلەن ئېلىپ كەلسۇن. تۆشنى ماڭا ئاتاپ، ئېگىز كۆتۈرسۇن. مايلارنى روھانىي قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن، تۆشى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋە بولسۇن. چۈنكى ئامانلىق قۇربانلىقى ئىچىدىكى سۇنۇلغان يانپاش ۋە ئېگىز كۆتۈرۈلىدىغان تۆشنى ئىسرائىل خەلقى ئارقىلىق روھانىي ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ئاتىدىم. بۇ ئۇلارنىڭ ئىسرائىللاردىن ئىگە بولىدىغان مەڭگۈلۈك ئۈلۈشىدۇر. تائام ھەدىيەلىرىدىكى يانپاش ۋە تۆش ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مېنىڭ خىزمىتىمنى قىلىش ئۈچۈن روھانىيلىققا تەيىنلەنگەن كۈندىن باشلاپ، ئىگە بولىدىغان نېسىۋىدۇر. ئۇلار بېشىغا ياغ قۇيۇلۇپ روھانىي بولغان كۈنى مەن پۈتۈن ئىسرائىللارغا قۇربانلىقنىڭ بۇ قىسمىنى ئۇلارغا بېرىشكە ئەمر قىلدىم. ئىسرائىللار بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەل قىلسۇن. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ ھارۇن ۋە ئوغۇللىرىنى ئېلىپ كەلگىن. ئۇلار بىلەن بىرگە روھانىيلىق كىيىم، مۇقەددەس ياغ، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بۇقا، ئىككى تۇياق قوچقار ۋە بىر سېۋەت پېتىر نان ئېلىپ كەلگىن. ئۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن جامائەتنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا جەم قىلغىن. مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئىش كۆردى. جامائەت ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا جەم بولدى. مۇسا جامائەتكە: _ پەرۋەردىگار ماڭا بۇ ئىشلارنى قىلىشنى ئەمر قىلدى، _ دېدى. ئاندىن ئۇ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى جامائەتنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى ۋە ئۇلارنى يۇيۇنۇشقا بۇيرۇدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ھارۇنغا تونچە كۆڭلەك كىيدۈرۈپ، بېلىگە پوتا باغلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە پەرىجەنى كىيدۈرۈپ، پەرتۇقنى تاقىدى ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ تاسمىسى بىلەن چىڭىتتى. ئاندىن كۆكرەكلىكنى تاقاپ، ئۇنىڭ ئىچىگە «ئۇرىم» ۋە «تۇممىم»لارنى سالدى. بېشىغا سەللە يۆگەپ، ئالتۇن قاداقنى، يەنى مۇقەددەس بەلگىنى قادىدى. ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بىنائەن بولدى. ئاندىن مۇسا ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بولغان بارلىق بۇيۇملارغا مۇقەددەس ياغ سۈركەپ، ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە ئاتىدى. ئۇ يەنە قۇربانلىق سۇپىسىغا يەتتە قېتىم مۇقەددەس ياغ سېپىپ، قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇملار، پاكلىنىش دېسى ۋە داس قويغۇچقا ياغ سۈركەپ، ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە ئاتىدى. ئاندىن مۇسا ھارۇننىڭ بېشىغا مۇقەددەس ياغ قۇيۇپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە بېغىشلىدى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىمۇ ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارغا تونچە كۆڭلەك كىيدۈرۈپ، بەللىرىگە پوتا باغلىدى، باشلىرىغا سەللە يۆگىدى، ھەممە ئىشلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە بولدى. ئاندىن مۇسا گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىغا ئاتالغان بۇقىنى ئېلىپ كەلدى. ھارۇن ۋە ئوغۇللىرى قوللىرىنى بۇقىنىڭ بېشىغا قويدى. مۇسا بۇقىنى بوغۇزلىغاندىن كېيىن قېنىدىن ئازراق ئېلىپ، بارمىقى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سۈركەپ، قۇربانلىق سۇپىسىنى پاكلىدى. قالغان قاننى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆكۈپ، قۇربانلىق سۇپىسىنى گۇناھتىن ساقىت قىلىش ئورنى سۈپىتىدە پەرۋەردىگارغا بېغىشلىدى. ئۇ بۇقىنىڭ چاۋا مايلىرى، جىگىرىنىڭ ئەڭ ياخشى يېرى، ئىككى بۆرىكى ۋە بۆرەك مېيىنى چىقىرىۋېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈردى. پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە بۇقىنىڭ تېرىسى، گۆشى ۋە ئۈچىيىنى قارارگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ كۆيدۈرۈۋەتتى. ئاندىن مۇسا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن قوچقارنى ئېلىپ كەلدى. ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى قوچقارنىڭ بېشىغا قويدى. مۇسا قوچقارنى بوغۇزلاپ، قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چاچتى. قوچقارنى پارچىلاپ، بېشىنى، گۆشىنى، چاۋا مايلىرىنى، تازىلانغان ئىچ-قارنى ۋە پۇت-پاچاقلىرىنى، يەنى پۈتۈن قوچقارنى قۇربانلىق سۇپىسىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە كۆيدۈردى. بۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولدى. مۇسا يەنە بىر قوچقارنى ئېلىپ كەلدى. بۇ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى روھانىيلىققا تەيىنلەش مۇراسىمىغا سۇنۇلغان قوچقار ئىدى. ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى قوچقارنىڭ بېشىغا قويدى. مۇسا قوچقارنى بوغۇزلاپ، قېنىدىن ئازراق ئېلىپ، ھارۇننىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقى، ئوڭ قولى ۋە ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىغا سۈركەپ قويدى. ئۇ يەنە ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنى ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، قوچقارنىڭ قېنىدىن ئۇلارنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقى ۋە ئوڭ قولى بىلەن ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىغا سۈركەپ قويدى. ئاندىن قالغىنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چاچتى. مۇسا قوچقارنىڭ مايلىرىنى، يەنى قۇيرۇق مېيى، چاۋا مايلىرى، جىگىرىنىڭ ئەڭ ياخشى يېرى، ئىككى بۆرىكى ۋە بۆرەك مېيى، شۇنداقلا ئوڭ يانپىشىنى چىقىرىۋالدى. ھەمدە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىكى پېتىر نانلار سېلىنغان سېۋەتتىن پېتىر توقاچ، مايلىق پېتىر توقاچ ۋە نېپىز پېتىر نانلارنىڭ ھەرقايسىسىدىن بىردىن ئېلىپ، ئۇلارنى قوچقارنىڭ ئوڭ يانپىشى بىلەن مايلارنىڭ ئۈستىگە قويدى. ئاندىن ھەممىسىنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قوللىرىغا تۇتقۇزدى. ئۇلار ئۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، ئېگىز كۆتۈردى. شۇنىڭدىن كېيىن مۇسا بۇ نەرسىلەرنى ئۇلارنىڭ قولىدىن ئېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، كۆيدۈردى. بۇ ئۇلارنىڭ روھانىيلىققا تەيىنلىنىش قۇربانلىقى بولۇپ، بۇ پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولدى. مۇسا قۇربانلىقنىڭ تۆشىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈردى. بۇ تۆش روھانىيلىققا تەيىنلىنىش مۇراسىمىدا قۇربانلىق قىلىنغان قوچقارنىڭ گۆشىدىن مۇساغا تېگىشلىك بولغان نېسىۋە ئىدى. ھەممە ئىش پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە بولدى. مۇسا مۇقەددەس ياغ ۋە قۇربانلىق سۇپىسىدىكى قاندىن ئازراق ئېلىپ، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ھەم ئۇلارنىڭ كىيىملىرىگە چاچتى. شۇنداق قىلىپ، مۇسا ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە بېغىشلىدى. مۇسا ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر گۆشنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا پىشۇرۇڭلار. ئۇنى مەن بۇيرۇغاندەك، شۇ يەردە روھانىيلىققا تەيىنلىنىش مۇراسىمىدا سۇنۇلغان سېۋەتتىكى نانلار بىلەن يەڭلار. ئېشىپ قالغان گۆش ۋە نانلارنى كۆيدۈرۈڭلار. سىلەر ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدىن روھانىيلىققا تەيىنلىنىش مۇراسىمى ئاياغلاشمىغۇچە كەتمەڭلار، يەتتە كۈن تۇرۇڭلار. چۈنكى روھانىيلىققا تەيىنلەش مۇراسىمىغا يەتتە كۈن كېتىدۇ. بۈگۈن قىلىنغان بارلىق ئىشلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە بولدى، بۇ سىلەرنىڭ سادىر قىلغان گۇناھىڭلارنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈندۇر. سىلەر ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا يەتتە كېچە-كۈندۈز تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرۈڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ھالاك بولمايسىلەر. مانا بۇ پەرۋەردىگار ماڭا قىلغان ئەمردۇر. شۇنداق قىلىپ، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرلىرىنىڭ ھەممىسىنى بەجا كەلتۈردى. سەككىزىنچى كۈنى مۇسا ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى، شۇنداقلا ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنى چاقىرتتى. ئۇ ھارۇنغا مۇنداق دېدى: _ سەن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىڭ ئۈچۈن بېجىرىم بىر تورپاق، كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭ ئۈچۈن بېجىرىم بىر قوچقارنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كەلگىن. ئاندىن ئىسرائىللارغا: «سىلەر گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بېجىرىم بولغان بىر ياشلىق تورپاق ۋە بىر ياشلىق قوي، ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر بۇقا ۋە بىر قوچقارنى كەلتۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا قۇربانلىق قىلىڭلار، ھەم بۇلار بىلەن بىرلىكتە زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان ئۇننى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار بۈگۈن سىلەرگە زاھىر بولىدۇ» دېگىن. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار مۇسانىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە قۇربانلىقلارنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. پۈتۈن جامائەت ئۇ يەردە جەم بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇشتى. مۇسا ئۇلارغا: _ پەرۋەردىگار مۇشۇنداق قىلىشىڭلارنى ئەمر قىلدى. شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى سىلەرگە زاھىر بولىدۇ، _ دېدى. ئاندىن مۇسا ھارۇنغا مۇنداق دېدى: _ سەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۆزۈڭ ۋە خەلقىڭنىڭ گۇناھلىرىنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىڭ ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭنى سۇنغىن. ئاندىن خەلقنى گۇناھلىرىدىن ساقىت قىلىدىغان قۇربانلىقلارنى سۇنغىن. مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىدۇر. شۇنىڭ بىلەن ھارۇن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، تورپاقنى ئۆزى ئۈچۈن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە بوغۇزلىدى. ئوغۇللىرى تورپاقنىڭ قېنىنى ئۇنىڭغا ئېلىپ بەردى، ئۇ بارمىقىنى قانغا تەگكۈزۈپ، قاننى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سۈركەپ قويدى. ئېشىپ قالغان قاننى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆكتى. ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق بەرگەن ئەمرىگە بىنائەن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنىڭ مايلىرى، بۆرەكلىرى ۋە جىگىرىنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىنى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈردى. گۆش ۋە تېرىسىنى قارارگاھنىڭ سىرتىدا كۆيدۈردى. ھارۇن يەنە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن تەييارلانغان قوچقارنى بوغۇزلىدى، ئوغۇللىرى ئۇنىڭ قېنىنى ھارۇنغا سۇنۇپ بەردى، ھارۇن ئۇنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چاچتى. ئۇلار كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ پارچىلىرىنى ۋە بېشىنى ئۇنىڭغا بەردى، ھارۇن ئۇلارنى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈردى. ئۇ يەنە قۇربانلىقنىڭ ئىچ-قارنىنى ۋە پۇت-پاچاقلىرىنى يۇيۇپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ ئۈستىگە قويۇپ كۆيدۈردى. ئۇنىڭدىن كېيىن خەلقنىڭ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنى قانداق قىلغان بولسا، خەلقنىڭ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى بولغان تېكىنىمۇ شۇ بويىچە بوغۇزلاپ، قۇربانلىق قىلدى. ئۇ يەنە كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىمۇ ئېلىپ كېلىپ، قائىدە بويىچە قۇربانلىق قىلدى. ئۇ ئەتىگەنلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقتىن باشقا يەنە ئاشلىق ھەدىيەسىدىن بىر چاڭگال ئېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈردى. ھارۇن خەلقنىڭ ئامانلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئەكەلگەن بۇقا ۋە قوچقارنىمۇ بوغۇزلىدى. ئاندىن ئوغۇللىرى قۇربانلىقنىڭ قېنىنى ئۇنىڭغا بەردى. ئۇ قانلارنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چاچتى. ئۇلار بۇقا ۋە قوچقارنىڭ مېيىنى، يەنى قۇيرۇق مېيى، چاۋا مېيى، بۆرەكلىرى ۋە جىگىرىنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىنى قۇربانلىقلارنىڭ تۆشلىرىنىڭ ئۈستىگە قويدى. ئاندىن ھارۇن بۇلارنى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈردى. لېكىن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھارۇن مۇسانىڭ بۇيرۇغىنىدەك قۇربانلىقلارنىڭ تۆشلىرى ۋە ئوڭ يانپاشلىرىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرگەنىدى. ھارۇن قوللىرىنى كۆتۈرۈپ جامائەتكە بەخت تىلىدى. ئۇ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى، كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئامانلىق قۇربانلىقىنى سۇنۇپ بولغاندىن كېيىن، قۇربانلىق سۇپىسىدىن ئايرىلدى. مۇسا بىلەن ھارۇن ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىردى. ئاندىن چىقىپ خەلققە يەنە بەخت تىلىدى. پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى پۈتۈن خەلققە زاھىر بولدى. شۇ ئەسنادا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن بىر ئوت چىقىپ، قۇربانلىق سۇپىسىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى ۋە مايلارنى بىراقلا كۆيدۈرۈۋەتتى. پۈتۈن جامائەت بۇنى كۆرۈپ، خۇشاللىقلىرىدىن چۇقان سېلىشىپ، باشلىرىنى يەرگە قويۇشتى. ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىدىن ناداب ۋە ئابىھۇ ئىسرىقدانلىرىنى ئېلىپ، ئىچىگە چوغ ۋە ئىسرىق سېلىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كىردى. لېكىن پەرۋەردىگار بۇ ئوتنى ئۆزىنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كىرىشكە ئەمر قىلمىغانىدى. شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن بىر ئوت ئېتىلىپ چىقىپ، ئۇلارنى كۆيدۈردى. ئۇلار شۇ يەردە، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ھالاك بولدى. شۇ ۋاقىتتا مۇسا ھارۇنغا: _ پەرۋەردىگارنىڭ «مەن روھانىيلار ئارقىلىق پۈتۈن خەلق ئالدىدا مۇقەددەسلىكىمنى ۋە ئۇلۇغلۇقۇمنى نامايان قىلىمەن» دېگىنى مۇشۇ، _ دېدى. ھارۇن زۇۋان سۈرمىدى. مۇسا ھارۇننىڭ تاغىسى ئۇززىئېلنىڭ ئوغۇللىرى مىشائېل ۋە ئەلزافاننى چاقىرتىپ، ئۇلارغا: _ كېلىڭلار، قېرىندىشىڭلارنىڭ جەسىتىنى مۇقەددەس جاينىڭ ئالدىدىن قارارگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ كېتىڭلار، _ دېدى. ئۇلار كېلىپ، مۇسانىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە تونچە كۆڭلەك بىلەن ياتقان جەسەتلەرنى قارارگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى. مۇسا ھارۇن ۋە ئۇنىڭ قالغان ئوغۇللىرى ئەلئازار بىلەن ئىتامارغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر چېچىڭلارنى چۇۋۇپ، كىيىمىڭلارنى يىرتىپ، ھازا تۇتۇپ يۈرمەڭلار. ئۇنداق قىلساڭلار ھالاك بولىسىلەر. پەرۋەردىگار پۈتۈن خەلققىمۇ غەزەپ ياغدۇرىدۇ. بىراق سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار بولغان ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ غەزەپ ئوتىدا ئۆلگەنلەر ئۈچۈن ھەسرەت چەكسە بولىدۇ. لېكىن سىلەر ئۇلارغا ھازا تۇتۇش ئۈچۈن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدىن چىقماڭلار، بولمىسا سىلەرمۇ ھالاك بولىسىلەر. چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس يېغى ئۈستۈڭلارغا قۇيۇلۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە تەيىنلەندىڭلار. ئۇلار مۇسانىڭ دېگىنى بويىچە ئىش تۇتتى. پەرۋەردىگار ھارۇنغا مۇنداق دېدى: _ سەن ۋە ئوغۇللىرىڭ ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىشتىن ئىلگىرى مەي ۋە شاراب ئىچمەڭلار، بولمىسا ھالاك بولىسىلەر. سىلەر بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەل قىلىڭلار. سىلەر نېمىنىڭ مۇقەددەس، نېمىنىڭ مۇقەددەس ئەمەس، نېمىنىڭ پاك، نېمىنىڭ ناپاك ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايرىشنى بىلىڭلار. سىلەر مەن مۇسا ئارقىلىق بەرگەن بارلىق بەلگىلىمىلىرىمنى ئىسرائىللارغا ئۆگىتىڭلار. مۇسا ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئامان قالغان ئىككى ئوغلى ئەلئازار بىلەن ئىتامارغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر پەرۋەردىگارغا سۇنۇلغان تائام ھەدىيەلىرىدىن ئېشىپ قالغان ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدىكى ھەدىيە ئۇنلىرىدىن پېتىر نان پىشۇرۇپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا يەڭلار، چۈنكى ئۇ ئەڭ مۇقەددەس يېمەكلىكتۇر. سىلەر ئۇنى مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يەڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگارغا سۇنۇلغان بۇ تائام ھەدىيەلىرى سېنىڭ ۋە ئوغۇللىرىڭنىڭ ئۈلۈشلىرىدۇر. بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا قىلغان ئەمرىدۇر. پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرۈلگەن تۆش ۋە سۇنۇلغان يانپاشنى سەن ئوغۇل-قىزلىرىڭ بىلەن بىرلىكتە ھەرقانداق پاك يەردە يېسەڭ بولىدۇ. چۈنكى بۇ نەرسىلەر ئىسرائىللار سۇنغان ئامانلىق قۇربانلىق ئىچىدىكى سىلەرنىڭ ئۈلۈشۈڭلاردۇر. پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرۈلگەن تۆش ۋە سۇنۇلغان يانپاش تائام ھەدىيەسىنىڭ مېيى بىلەن بىرگە ئېلىپ كېلىنسۇن. بۇلار سىلەرنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈلۈشىدۇر. بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىدۇر. شۇ ۋاقىتتا مۇسا گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىنىدىغان تېكىنى سۈرۈشتۈردى ۋە ئۇنىڭ ئاللىقاچان كۆيدۈرۈلگەنلىكىنى بىلدى. ئۇ ھارۇننىڭ ئامان قالغان ئوغۇللىرىدىن ئەلئازار ۋە ئىتامارغا ئاچچىقلىنىپ مۇنداق دېدى: _ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنى نېمىشقا مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يېمىدىڭلار؟ بۇ قۇربانلىق ئەڭ مۇقەددەس قۇربانلىق ئىدىغۇ! بۇ قۇربانلىقنى پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ ھۇزۇرىدا سىلەرنىڭ خەلقنى ئەيىبتىن خالاس قىلىشىڭلار، گۇناھتىن ساقىت قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە تەقدىم قىلغانىدىغۇ!؟ بۇ قۇربانلىقنىڭ قېنى مۇقەددەس جايغا ئېلىپ كىرىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، مېنىڭ بۇيرۇغىنىم بويىچە بۇ قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يېسەڭلار بولاتتىغۇ!؟ ھارۇن مۇساغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: _ قارا، بىز بۈگۈن پەرۋەردىگارغا گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى قائىدە بويىچە سۇندۇق. شۇنداق تۇرۇقلۇق مەن يەنىلا مۇشۇنداق قازاغا مۇپتىلا بولدۇم. ئەگەر مەن بۈگۈن بۇ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنىڭ گۆشىنى يېگەن بولسام، پەرۋەردىگار قوبۇل قىلاتتىمۇ؟ مۇسا ھارۇننىڭ جاۋابىدىن رازى بولدى. پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىللارغا ئېيتىڭلار: «يەر يۈزىدىكى جانلىقلاردىن تۇيىقى ئاچىماق ھەم كۆشەيدىغان ھەرقانداق ھايۋانلارنى يېسەڭلار بولىدۇ. لېكىن پەقەت كۆشەيدىغان ياكى پەقەت تۇيىقى ئاچىماق ھايۋان بولسىلا يېسەڭلار بولمايدۇ. تۆگە ھارامدۇر، چۈنكى ئۇ كۆشىسىمۇ، ئەمما ئاچىماق تۇياقلىقلارغا كىرمەيدۇ. سۇغۇر ھارامدۇر، چۈنكى ئۇ كۆشىسىمۇ، ئەمما ئاچىماق تۇياقلىقلارغا كىرمەيدۇ. ياۋا توشقان ھارامدۇر، چۈنكى ئۇ كۆشىسىمۇ، ئەمما ئاچىماق تۇياقلىقلارغا كىرمەيدۇ. چوشقا ھارامدۇر، چۈنكى تۇيىقى ئاچىماق بولسىمۇ، ئۇ كۆشىمەيدۇ. ئۇلارنىڭ گۆشىنى يېسەڭلارمۇ، ئۆلۈكىنى تۇتساڭلارمۇ بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ھارامدۇر. دېڭىز ۋە دەريادىكى قاناتلىق ۋە قاسراقلىق جانلىقلارنى يېسەڭلار بولىدۇ. لېكىن دېڭىز ۋە دەريادىكى ھەرقانداق قاناتسىز ۋە قاسراقسىز جانلىقلاردىن يىرگىنىڭلار. ئۇلارنى يىرگىنچلىك دەپ بىلىڭلار، ئۇلارنى يېمەڭلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىدىنمۇ يىرگىنىڭلار. سۇدا ياشايدىغان ھەرقانداق قاناتسىز ۋە قاسراقسىز جانلىقلارنىڭ ھەممىسى سىلەر ئۈچۈن يىرگىنچلىكتۇر. تۆۋەندىكى قۇشلارنى يىرگىنچلىك دەپ بىلىڭلار ھەم قەتئىي يېمەڭلار: بۈركۈت، بارلىق تاپ قۇشلىرى، ھەر خىل سار ۋە لاچىن، قاغا-قۇزغۇنلار، لەيلەك، قوتان تىپىدىكى قۇشلار، ھۆپۈپ ۋە شەپەرەڭ. كۆپ پۇتلۇق ھەم قاناتلىق ھاشارەتلەردىن يىرگىنىڭلار. پەقەت ھەم ئۇچىدىغان ھەم سەكرەيدىغان ھاشارەتلەرنى يېسەڭلار بولىدۇ. مەسىلەن: چېكەتكە ۋە قارا چېكەتكە تىپىدىكى ھاشارەتلەرنى يېسەڭلار بولىدۇ. باشقا بارلىق قاناتلىق ھەم ئۆمىلەيدىغان ھاشارەتلەر سىلەر ئۈچۈن يىرگىنچلىكتۇر. تۆۋەندىكى جانلىقلار سىلەر ئۈچۈن ھارامدۇر. ھەرقانداق ئادەم ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىگە تەگسە، شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىنى يۆتكىگەنلىكى كىشى كىيىملىرىنى يۇيسۇن. لېكىن يەنىلا كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. تۇيىقى ئاچىماق بولمىغان ھەم كۆشىمەيدىغان ھەرقانداق ھايۋاننى ھارام ھېسابلاڭلار، ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىگە تەگكەن ھەرقانداق ئادەم ناپاك ھېسابلىنىدۇ. تۆت پۇتتا ماڭىدىغان تاپانلىق ھايۋانلار ھارامدۇر، ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىگە تەگكەن ھەرقانداق ئادەم شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىنى يۆتكىگەنلىكى كىشى كىيىملىرىنى يۇيسۇن. ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. ئۇ ھايۋانلار ھارامدۇر. يۇقىرىقى ئۆمىلىگۈچى جانلىقلارنىڭ ھەممىسى ھارامدۇر. ھەرقانداق ئادەم بۇ جانلىقلارنىڭ ئۆلۈكىگە تەگسە، شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئۆلۈكى ھەرقانداق بىر نەرسىنىڭ ئۈستىگە چۈشسە، مەيلى ئۇ ياغاچ، رەخت، خۇرۇم ياكى ئۆچكە تىۋىتىدا توقۇلغان نەرسە بولسۇن، ئۇلارنى مەيلى قانداق مەقسەتتە ئىشلەتسۇن، ھەممىسى ناپاك ھېسابلىنىدۇ. ئۇ نەرسىلەرنى سۇغا چىلاپ قويسۇن، ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر، كۈن پاتقاندا ئاندىن ئۇلار پاكلىنىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئۆلۈكى ساپال قاچىنىڭ ئىچىگە چۈشسە، ئىچىدىكى ھەرقانداق نەرسە ھارام بولىدۇ. سىلەر چوقۇم ئۇ ساپال قاچىنى چېقىۋېتىڭلار. ئەگەر ئۇ ساپال قاچىدىكى سۇ يېمەكلىككە تېمىپ كەتسە، يېمەكلىك ھارامدۇر. ئىچىملىككە تېمىپ كەتسە، ئىچىملىكمۇ ھارامدۇر. بۇ جانلىقلارنىڭ ئۆلۈكى قانداق نەرسىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ كەتسە، ئۇ نەرسە ناپاكتۇر، مەيلى تونۇر ياكى ئوچاق بولسۇن، چېقىۋېتىلسۇن. ئۇلار ناپاكتۇر. سىلەر ئۈچۈن ناپاكتۇر. لېكىن ئۇلارنىڭ ئۆلۈكى بۇلاق ياكى كۆلچەككە چۈشۈپ كەتسە، سۈيى يەنىلا ھالالدۇر، بىراق ئۆلۈككە تەگكەن كىشى ناپاكتۇر. ئەگەر بۇ جانلىقلارنىڭ ئۆلۈكى تېرىلماقچى بولغان ئۇرۇقنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ كەتسە، ئۇرۇق يەنىلا ھالالدۇر. لېكىن ئۇرۇق سۇغا چىلاقلىق بولۇپ، ئۆلۈك ئۇنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ كەتسە، بۇنداق ئۇرۇق ھارامدۇر. ئۆزلۈكىدىن ئۆلۈپ قالغان ھالال ھايۋاننىڭ ئۆلۈكىگە تەگكەن كىشى شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. ئۇنىڭ گۆشىنى يېگەن ياكى ئۆلۈكىنى يۆتكىگەن كىشى كىيىملىرىنى يۇيسۇن، لېكىن يەنىلا شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. ئۆمىلىگۈچى جانلىقلارنىڭ ھەممىسى سىلەر ئۈچۈن يىرگىنچلىكتۇر، ئۇلارنى يېمەڭلار، يەنى يەر بېغىرلىغۇچى، تۆت پۇتلۇق، كۆپ پۇتلۇق ئۆمىلىگۈچى جانلىقلار ۋە قۇرت-قوڭغۇزلارنى يېمەڭلار، ئۇلار سىلەر ئۈچۈن يىرگىنچلىكتۇر. بۇنداق جانلىقلار بىلەن ئۆزۈڭلارنى بۇلغاپ، ناپاك بولماڭلار. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. ئۆزۈڭلارنى ماڭا بېغىشلاڭلار، پاك بولۇڭلار، چۈنكى مەن مۇقەددەستۇرمەن. ئۆمىلىگۈچى جانلىقلار ۋە قۇرت-قوڭغۇزلارنىڭ سەۋەبىدىن ئۆزۈڭلارنى ناپاك قىلماڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن، سىلەرنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتىم. سىلەر پاك بولۇڭلار، چۈنكى مەن مۇقەددەستۇرمەن. يۇقىرىدىكىلەر ماڭىدىغان، ئۇچىدىغان، سۇدا ئۈزىدىغان، يەردە ئۆمىلەيدىغان جانلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەردۇر. نېمىنىڭ ھالال، نېمىنىڭ ھارام، نېمىنى يېسە بولىدىغان، نېمىنى يېسە بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئايرىۋېلىڭلار.» پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، ئەگەر ئايال ھامىلىدار بولۇپ ئوغۇل تۇغسا، تۇغۇتتىن كېيىنكى يەتتە كۈن ھەيز مەزگىلىدىكىگە ئوخشاش ناپاك ھېسابلىنىدۇ. ئوغۇل بوۋاق سەككىزىنچى كۈنى خەتنە قىلىنسۇن. تۇغۇتلۇق ئايال يەنە ئوتتۇز ئۈچ كۈندىن كېيىن قاندىن پاكلىنىدۇ. قىرىقى توشمىغۇچە ئۇ ئايال ھەرقانداق مۇقەددەس نەرسىگە يېقىن كەلمىسۇن، ئىبادەت جايغىمۇ كىرمىسۇن. ئەگەر ئايال قىز تۇغسا، تۇغۇتتىن كېيىنكى ئون تۆت كۈن ھەيز مەزگىلىدىكىگە ئوخشاش ناپاك ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يەنە ئاتمىش ئالتە كۈندىن كېيىن، قان كېلىشتىن پاكلىنىدۇ. تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ پاكلىنىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ئوغۇل ياكى قىز تۇغقان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن بىرنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن، پاختەك ياكى ياش كەپتەردىن بىرىنى پاكلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن، ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا روھانىيغا تاپشۇرۇپ بەرسۇن. روھانىي ئايالنى پاكلاش ئۈچۈن ئۇلارنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا قۇربانلىق قىلسۇن، شۇنىڭ بىلەن ئايال قاندىن پاكلىنىدۇ. بۇ ئوغۇل ياكى قىز تۇغقان ئايال ئۈچۈن بېكىتىلگەن بەلگىلىمىدۇر. ئەگەر تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ پاقلان ئېلىشقا قۇربى يەتمىسە، ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەر ئالسۇن. بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق، يەنە بىرنى پاكلىنىش قۇربانلىقى قىلسۇن. شۇنداق قىلىپ، روھانىي ئۇنى ناپاكلىقتىن خالاس قىلىدۇ، ئايال بولسا پاكلىنىدۇ. پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا مۇنداق دېدى: _ ئەگەر بىرسىنىڭ تېرىسىدە ئىششىق، تاشما، ئاق داغ پەيدا بولۇپ، تېرە كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ئۇ روھانىي ھارۇن ياكى ئۇنىڭ روھانىي ئوغۇللىرىنىڭ بىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىلسۇن. روھانىي بەدەندىكى كېسەل ئورنىنى تەكشۈرۈپ كۆرسۇن. ئەگەر كېسەل تېرە ئاستىغا ئۆتۈپ، تۈكلىرى ئاقىرىپ كەتكەن بولسا، بۇ تېرە كېسىلىدۇر. روھانىي ئۇنى ناپاك دەپ ئېلان قىلسۇن. ئەگەر كېسەل ئورنىدا ئاق داغلار پەيدا بولغان بولسىمۇ، لېكىن تېرە ئاستىغا ئۆتۈپ كەتمىگەن، تۈكلىرى ئاقىرىپ كەتمىگەن بولسا، روھانىي ئۇنى يەتتە كۈن جامائەتتىن ئايرىۋەتسۇن. يەتتىنچى كۈنى روھانىي كېسەل ئورنىنى يەنە تەكشۈرۈپ كۆرسۇن. ئەگەر كېسەل ئورنىدا يامانلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەن، كېسەل ئورنى كېڭىيىپ كەتمىگەن بولسا، روھانىي ئۇنى جامائەتتىن يەنە يەتتە كۈن ئايرىۋەتسۇن. يەتتىنچى كۈنى روھانىي كېسەل ئورنىنى يەنە تەكشۈرۈپ كۆرسۇن. ئەگەر كېسەل ئورنىنىڭ رەڭگى سۇسلىشىپ، كېسەل ئورنى كېڭىيىپ كەتمىگەن بولسا، روھانىي ئۇنى پاك دەپ، ئېلان قىلسۇن. ئۇنىڭ كېسىلى پەقەت تېرە تاشمىسى بولۇپ، كىيىمىنى يۇيۇۋەتسىلا پاكلىنىدۇ. لېكىن روھانىي تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، ئۇنى پاك دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تېرە تاشمىسى كېڭىيىپ كەتسە، ئۇ چوقۇم روھانىيغا يەنە كۆرۈنسۇن. روھانىي تەكشۈرۈش جەريانىدا تېرە تاشمىسىنىڭ كېڭىيىپ كەتكەنلىكىنى بايقىسا، ئۇنى ناپاك دەپ ئېلان قىلسۇن، چۈنكى بۇ تېرە كېسىلىدۇر. ئەگەر بىرسى تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولسا، چوقۇم روھانىينىڭ ئالدىغا ئاپىرىلسۇن. روھانىي ئۇنىڭ تېرىسىدە ئاق ئىششىق، تۈكلىرى ئاقىرىپ كېتىش ۋە جاراھىتى ئېچىلىپ قېلىش ئالامەتلىرىنى بايقىسا، بۇ سوزۇلما خاراكتېرلىك تېرە كېسىلىدۇر، روھانىي ئۇنى ناپاك دەپ ئېلان قىلسۇن. ئۇنى جامائەتتىن ئايرىۋېتىپ، قايتا تەكشۈرۈش زۆرۈر ئەمەس، چۈنكى ئۇ ئېنىقلا تېرە كېسىلىدۇر. ئەگەر تېرە كېسىلى يامراپ، بېشىدىن تارتىپ تاكى پۇتىغىچە ھەممە يېرىنى قاپلاپ كەتكەن بولسا، روھانىي ئۇنى قايتىدىن تەكشۈرسۇن. ناۋادا روھانىي تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىنىڭ پۈتۈن بەدىنىنىڭ ئاقىرىپ كەتكەنلىكىنى بايقىسا، روھانىي ئۇنى پاك، دەپ ئېلان قىلسۇن. ئەگەر ئۇنىڭ تېنىدىكى جاراھىتى ئېچىلىپ قالغان بولسا، ئۇ ناپاكتۇر. روھانىي ئېچىلىپ قالغان جاراھەتنى كۆرگەن ھامان ئۇنى ناپاك دەپ ئېلان قىلسۇن. چۈنكى ئۇنىڭ تېنىدىكى ئاشۇ جاراھەت تېرە كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر. ئەگەر ئېچىلىپ قالغان جاراھەت ساقىيىشقا يۈزلىنىپ، ئاقىرىشقا باشلىسا، روھانىينىڭ ئالدىغا كەلسۇن. روھانىي تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن، جاراھەت ئورنىنىڭ ھەقىقەتەن ئاقىرىپ كەتكەنلىكىنى بايقىسا، ئۇنى پاك، دەپ ئېلان قىلسۇن، ئۇ پاكتۇر. ئەگەر بىرسىگە چىقان چىقىپ، ساقىيىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن چىقاننىڭ ئورنىدا ئاق رەڭلىك ئىششىق ياكى قىزغۇچ ئاق داغ پەيدا بولغان بولسا، روھانىيغا كۆرۈنسۇن. روھانىي تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، كېسەل تېرە ئاستىغا ئۆتۈپ، تۈكلىرى ئاقىرىپ كەتكەنلىكىنى بايقىسا، روھانىي ئۇنى ناپاك دەپ ئېلان قىلسۇن. چۈنكى، بۇ چىقاننىڭ تېرە كېسىلىگە ئايلانغانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر. لېكىن روھانىي تەكشۈرگەن ۋاقتىدا چىقان چىققان ئورۇندا ئاق تۈك، تېرە ئاستىغا ئۆتۈپ كېتىش ئالامىتى بولماي، تېرىسىنىڭ رەڭگى سۇسلاپ كەتكەن بولسا، ئۇنى يەتتە كۈن جامائەتتىن ئايرىۋەتسۇن. ئايرىۋېتىلگەن مەزگىلىدە، كېسەللىك يېيىلىپ كەتسە، روھانىي ئۇنى ناپاك دەپ ئېلان قىلسۇن، چۈنكى ئۇ تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندۇر. ئەگەر كېسەل ئورۇندىكى داغ ئەسلىدىكىدىن ئۆزگەرمىسە، كېڭىيىپمۇ كەتمىسە، بۇ چىقاندىن قالغان بىر ئىزدۇر. روھانىي ئۇنى پاك، دەپ ئېلان قىلسۇن. ئەگەر بىرسى ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالغاندىن كېيىن كۆيگەن يېرى قىزغۇچ ئاق ياكى ئاق رەڭگە ئۆزگىرىپ قالسا، كۆيگەن يېرىنى روھانىيغا تەكشۈرتسۇن. ئەگەر كۆيگەن يېرىدىكى تۈكلەر ئاقىرىپ، يارا تېرە ئاستىغا ئۆتكەن بولسا، كۆيۈك يارىسىنىڭ تېرە كېسىلىگە ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر، روھانىي ئۇنى ناپاك دەپ ئېلان قىلسۇن. چۈنكى ئۇ تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندۇر. ئەگەر كۆيگەن يەردىكى تۈكلەر ئاقارماي، يارا تېرە ئاستىغا ئۆتمەي، پەقەت رەڭگى سۇسلاپ قالغان بولسا، روھانىي ئۇنى يەتتە كۈن جامائەتتىن ئايرىۋەتسۇن. يەتتىنچى كۈنى روھانىي يەنە تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، كۆيۈك يارىسىنىڭ يېيىلىپ كەتكەنلىكىنى بايقىسا، ئۇنى ناپاك دەپ ئېلان قىلسۇن. چۈنكى ئۇ تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندۇر. ئەگەر كۆيۈك يارىسى يامانلاشمىغان، كېڭىيىپ كەتمىگەن ۋە رەڭگى ئەسلىگە قايتىشقا باشلىغان بولسا، بۇ پەقەت كۆيۈكتىن قالغان ئىششىقتۇر. روھانىي ئۇنى پاك دەپ ئېلان قىلسۇن، چۈنكى ئۇ پەقەت كۆيۈكتىن قالغان بىر ئىزدۇر. ئەگەر ئەر ۋە ئاياللارنىڭ بېشى ياكى ئىڭىكىدە يارا پەيدا بولۇپ قالسا، روھانىي تەكشۈرۈپ كۆرسۇن. ئەگەر يارا تېرە ئاستىغا ئۆتۈپ كەتكەن، يارا ئۈستىدىكى تۈكلەرمۇ سارغىيىپ، ئىنچىكىلەپ كەتكەن بولسا، ئۇ ئادەمنى ناپاك دەپ ئېلان قىلسۇن. چۈنكى بېشى ياكى ئىڭىكىدە پەيدا بولغىنى تەمرەتكە بولۇپ، تېرە كېسىلى ھېسابلىنىدۇ. لېكىن روھانىي تەكشۈرگەندە، يارا تېرە ئاستىغا ئۆتۈپ كەتمىگەن ئەمما قارا تۈكلەر قالمىغان بولسا، ئۇ كىشىنى يەتتە كۈن جامائەتتىن ئايرىۋەتسۇن. يەتتىنچى كۈنى روھانىي تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، تەمرەتكىنىڭ كېڭىيىپ كەتمىگەنلىكىنى، ئۈستىدە سېرىق تۈكمۇ يوقلۇقىنى ھەم تەمرەتكىنىڭ تېرە ئاستىغا ئۆتۈپ كەتمىگەنلىكىنى بايقىسا، ئۇ ئادەم چېچىنى، ساقال-بۇرۇتلىرىنى چۈشۈرۈۋەتسۇن، لېكىن تەمرەتكە ئورنىدىكى تۈكلەرنى چۈشۈرۈۋەتمىسۇن. روھانىي ئۇنى يەنە يەتتە كۈن جامائەتتىن ئايرىۋەتسۇن. يەتتىنچى كۈنى روھانىي يەنە تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، تەمرەتكىنىڭ كېڭىيىپ كەتمىگەنلىكىنى ھەم تېرە ئاستىغا ئۆتۈپ كەتمىگەنلىكىنى بايقىسا، روھانىي ئۇ ئادەمنى پاك دەپ ئېلان قىلسۇن. لېكىن ئۇ ئادەم كىيىملىرىنى يۇيسۇن، ئاندىن ئۇ پاكلىنىدۇ. ئۇ ئادەم پاكلانغاندىن كېيىن، تەمرەتكە يەنە پەيدا بولۇپ كېڭىيىپ كەتسە، روھانىي ئۇنى يەنە تەكشۈرسۇن. ئەگەر تەمرەتكە ھەقىقەتەن كېڭىيىپ كەتكەن بولسا، روھانىي يەنە كېسەل بولغان ئورۇندىن سېرىق تۈك ئىزدەپ يۈرۈشىنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇ ئادەم ناپاكتۇر. ئەگەر روھانىي تەمرەتكىنىڭ ئەسلى ھالىتىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى، تەمرەتكە بولغان ئورۇنغا قارا تۈكلەرنىڭ چىققانلىقىنى كۆرسە، ئۇ ئادەمنى پاك دەپ ئېلان قىلسۇن. چۈنكى بۇ، تەمرەتكىنىڭ ساقىيىپ، ئۇ ئادەمنىڭ پاكلانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر ئەر ۋە ئاياللارنىڭ تېرىسىدە ئاق داغ پەيدا بولۇپ قالسا، روھانىي تەكشۈرۈپ كۆرسۇن. ئەگەر داغ رەڭگى سۇس ئاق رەڭلىك بولسا، ئۇ پەقەت تاشمىدۇر، ئۇ كىشى پاكتۇر. ئەرلەرنىڭ چېچىنىڭ كەينى چۈشۈپ كەتسە، پاك ھېسابلىنىدۇ. ماڭلاي چېچى چۈشۈپ كەتسىمۇ، يەنىلا پاك ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر چاچ چۈشۈپ كەتكەن يەردە قىزغۇچ ئاق يارا پەيدا بولۇپ قالسا، ئۇ تېرە كېسىلىنىڭ باشلىنىشىدۇر. روھانىي كېسەل ئورنىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، جاراھەت ئورنىدا قىزغۇچ ئاق ئىششىق بايقىسا ۋە قارىماققا تېرە كېسىلىدەك كۆرۈنسە، ئۇ كىشى تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولىدۇ، ئۇ كىشى ناپاكتۇر. روھانىي ئۇ كىشىنى بېشىدىكى يارىسى سەۋەبىدىن ناپاك دەپ ئېلان قىلسۇن. تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار كىيىملىرىنى يىرتىپ، چېچىنى چۇۋۇپ، يۈزىنىڭ تۆۋەن تەرىپىنى يېپىۋېلىپ: «ناپاكتۇرمەن، ناپاكتۇرمەن!» دەپ ۋارقىرىسۇن. كېسىلى ساقايمىغۇچە ئۇ ناپاك بولۇپ، قارارگاھ سىرتىدا جامائەتتىن ئايرىلىپ تۇرسۇن. _ ئەگەر كىيىم-كېچەكتە پاختىلىشىپ قېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، مەيلى ئۇ يۇڭ ياكى زىغىر رەختتە تىكىلگەن كىيىم بولسۇن، يۇڭ ياكى زىغىر تالاسىدا توقۇلغان رەخت بولسۇن، مەيلى ئۇ خۇرۇم ۋە خۇرۇمدا تىكىلگەن بۇيۇم بولسۇن، ھەممىسىدە سۇس يېشىل ياكى قىزغۇچ داغلار پەيدا بولسا، ئۇنى پاختىلىشىپ قالغان ھېسابلاپ، روھانىيغا تەكشۈرتسۇن. روھانىي تەكشۈرگەندىن كېيىن، بۇنداق كىيىملەرنى يەتتە كۈن ئايرىم قويۇشقا بۇيرۇسۇن. يەتتىنچى كۈنى روھانىي يەنە تەكشۈرۈپ، ئەگەر كىيىم-كېچەك، توقۇلما ياكى خۇرۇم نەرسىلەردە پاختىلىشىشنىڭ يامراش ئەھۋالىنى بايقىسا، ئۇ نەرسىلەر ناپاك ھېسابلىنىدۇ. مەيلى قايسى خىل كىيىم بولسۇن، ياكى قوي يۇڭىدا، زىغىر تالاسىدا تىكىلگەن نەرسە ياكى خۇرۇمدا قىلىنغان نەرسە بولسۇن، روھانىي ئۇنى چوقۇم كۆيدۈرۈۋەتسۇن، چۈنكى ئۇ ھەقىقەتەن پاختىلىشىپ قالغاندۇر. پاختىلىشىپ قالغان كىيىم-كېچەك، نەرسىلەر چوقۇم كۆيدۈرۈپ تاشلانسۇن. ئەگەر كىيىم-كېچەك، توقۇلما بۇيۇملار ياكى خۇرۇمدىكى پاختىلىشىپ قېلىش ئالامەتلىرى يامراپ كەتمىگەن بولسا، روھانىي ئۇنى يۇيۇشقا ۋە يەنە يەتتە كۈن ئايرىم قويۇشقا بۇيرۇسۇن. شۇنىڭدىن كېيىن روھانىي يۇيۇلغان نەرسىلەرنى قايتىدىن تەكشۈرۈپ كۆرسۇن. ئەسلىدىكى كۆكەرگەن داغلار يامرىمىغان بولسىمۇ، يەنىلا كۆكەرگەن رەڭگى ئۆزگەرمىسە، ئۇ نەرسىلەر يەنىلا ناپاكتۇر. پاختىلىشىپ قالغان جاي كىيىمنىڭ ئىچى ياكى تېشىدا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر كىيىم كۆيدۈرۈلسۇن. روھانىي يۇيۇلغان نەرسىلەرنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، پاختىلىشىپ قالغان يەرنىڭ رەڭگىنىڭ ئۆڭۈپ كەتكەنلىكىنى بايقىسا، كىيىم-كېچەكنىڭ، خۇرۇمنىڭ، توقۇلما بۇيۇملارنىڭ ئاشۇ يېرىنى كېسىپ ئېلىۋەتسۇن. لېكىن بۇ كىيىم-كېچەك، توقۇلما بۇيۇم ياكى خۇرۇملاردا پاختىلىشىپ قېلىش ئەھۋالى يەنە كۆرۈلسە ۋە كېڭىيىپ كەتسە، ئۇلار كۆيدۈرۈلسۇن. يۇيۇلغاندىن كېيىن كىيىم-كېچەك، توقۇلما بۇيۇم ياكى خۇرۇملاردىكى داغلار يوقالغان بولسا، يەنە بىر قېتىم يۇيۇلسۇن. شۇندىلا ئۇ پاكلىنىدۇ. يۇڭ كىيىم، زىغىر رەخت كىيىم، توقۇلما بۇيۇم ياكى خۇرۇم بۇيۇملاردا پاختىلىشىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، يۇقىرىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بۇ نەرسىلەرنىڭ پاك ياكى ناپاك ئىكەنلىكىنى بېكىتىڭلار. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ تېرە كېسىلىدىن ساقايغۇچىنىڭ پاكلىنىش مۇراسىمىغا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر تۆۋەندىكىدەكتۇر: تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچى ساقايغاندىن كېيىن، روھانىي ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنى قارارگاھنىڭ سىرتىدا تەكشۈرۈپ كۆرسۇن. روھانىي كېسەلنىڭ ساقايغانلىقىنى بايقىسا، ئۇنى پاكلاش ئۈچۈن، ئىككى دانە ھالال قۇش، ئازراق قارىغاي شېخى، توق قىزىل يىپ ۋە بىر تۇتام لېپەكگۈل ئەكېلىشكە بۇيرۇسۇن. روھانىي قۇشلاردىن بىرىنى ئېقىن سۇ تولدۇرۇلغان ساپال قاچىغا بوغۇزلاشنى بۇيرۇسۇن. ئاندىن روھانىي ئىككىنچى قۇشنى قارىغاي شېخى، توق قىزىل يىپ ۋە لېپەكگۈل بىلەن بىرلىكتە قۇشنىڭ قېنى ئارىلاشقان سۇغا چىلىسۇن. ئاندىن قاننى پاكلىنىدىغان كىشىنىڭ ئۈستىگە يەتتە قېتىم چېچىپ، ئۇنى پاك دەپ ئېلان قىلسۇن. ئۇنىڭدىن كېيىن قۇشنى دالاغا قويۇۋەتسۇن. پاكلانغۇچى كىيىملىرىنى يۇيۇپ، چاچ-ساقاللىرىنى چۈشۈرۈپ، يۇيۇنسۇن. ئاندىن ئۇ كىشى پاك كىشى ھېسابلىنىپ، قارارگاھقا كىرسە بولىدۇ. لېكىن ئۇ كىشى ئاۋۋال ئۆز چېدىرىنىڭ سىرتىدا يەتتە كۈن تۇرسۇن. يەتتىنچى كۈنى يەنە چاچ-ساقىلى، قاشلىرى ۋە بەدىنىدىكى پۈتۈن تۈكلەرنى چۈشۈرۈۋەتسۇن ۋە كىيىم-كېچىكىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن. ئاندىن بۇ كىشى پاكلانغان بولىدۇ. سەككىزىنچى كۈنى ئۇ ئىككى تۇياق بېجىرىم ئەركەك پاقلان، بىر تۇياق بېجىرىم بىر ياشلىق ساغلىق ئېلىپ كەلسۇن. ئۇنىڭدىن سىرت ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان ئۈچ كىلو سۈپەتلىك ئۇن ۋە بىر پىيالە زەيتۇن يېغى ئېلىپ كەلسۇن. پاكلىنىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈۋاتقان روھانىي پاكلانغۇچىنى ۋە قۇربانلىقلىرىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا، يەنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا ئېلىپ كەلسۇن. ئاندىن ئەركەك پاقلاننىڭ بىرىنى ئەيىب قۇربانلىقى قىلىپ، ئۇنى بىر پىيالە زەيتۇن يېغى بىلەن بىرلىكتە ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرسۇن. پاقلاننى روھانىي گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىق بوغۇزلىنىدىغان جايدا، يەنى مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا بوغۇزلىسۇن. ئەيىب قۇربانلىقى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىغا ئوخشاش روھانىيغا مەنسۇپ بولۇپ، ئەڭ مۇقەددەس ھېسابلىنىدۇ. روھانىي ئەيىب قۇربانلىقىنىڭ قېنىدىن ئازراق ئېلىپ، پاكلانغۇچىنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغا، ئوڭ قولىنىڭ ۋە ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىغا سۈرتۈپ قويسۇن. روھانىي يەنە سول قولىنىڭ ئالىقىنىغا زەيتۇن يېغىدىن ئازراق قۇيۇپ، ئوڭ قولىنىڭ بارمىقىنى زەيتۇن يېغىغا تەگكۈزۈپ، ئۇنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا يەرگە يەتتە قېتىم چاچسۇن. ئاندىن ئالىقىنىدا ئېشىپ قالغان زەيتۇن يېغىنى ئەيىب قۇربانلىقىنىڭ قېنىنى سۈرتكەن يەرلەرگە، يەنى پاكلانغۇچىنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقى، ئوڭ قولىنىڭ ۋە ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىغا سۈرتسۇن. روھانىي ئالىقىنىدا ئېشىپ قالغان زەيتۇن يېغىنى يەنە پاكلانغۇچىنىڭ بېشىغا سۈرتسۇن. شۇنداق قىلىپ، روھانىي ئۇنى ھۇزۇرۇمدا ناپاكلىقتىن خالاس قىلسۇن. ئاندىن روھانىي بىر ياشلىق ساغلىقنى پاكلىنىش قۇربانلىقى قىلىپ، پاكلانغۇچىنى ناپاكلىقتىن خالاس قىلسۇن. ئۇنىڭدىن كېيىن روھانىي كۆيدۈرمە قۇربانلىققا ئاتالغان يەنە بىر ئەركەك پاقلاننى بوغۇزلاپ، ئۇنى ئاشلىق ھەدىيەسى بىلەن بىرگە قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن ۋە ئۇ كىشىنى ناپاكلىقتىن خالاس قىلسۇن، شۇندىلا ئۇ كىشى پاكلىنىدۇ. ئەگەر ئۇ نامرات بولۇپ، بۇ قۇربانلىقلارنى قىلىشقا قۇربى يەتمىسە، ناپاكلىقىدىن پاكلىنىشى ئۈچۈن ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرۈلىدىغان ئەيىب قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تۇياق ئەركەك پاقلاننى سۇنسۇن. ئۇنىڭدىن باشقا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان بىر كىلو سۈپەتلىك ئۇن ۋە بىر پىيالە زەيتۇن يېغىنى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنسۇن. ئۇنىڭدىن سىرت، ئۆزىنىڭ قۇربى يەتكىنىچە ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەر تەييارلاپ، بىرسىنى پاكلىنىش قۇربانلىقى، يەنە بىرسىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنسۇن. سەككىزىنچى كۈنى ئۇ ئۆزىنىڭ پاكلىنىشى ئۈچۈن قۇربانلىقلىرىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا روھانىيغا تاپشۇرسۇن. روھانىي ئەيىب قۇربانلىقى قىلىنىدىغان پاقلان ۋە بىر پىيالە زەيتۇن يېغىنى ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرسۇن. ئۇنىڭدىن كېيىن روھانىي ئەيىب قۇربانلىقى قىلىنىدىغان پاقلاننى بوغۇزلاپ، قېنىنى ئۇنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقى، ئوڭ قولىنىڭ ۋە ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىغا سۈرتۈپ قويسۇن. روھانىي سول ئالىقىنىغا زەيتۇن يېغىدىن ئازراق قۇيۇپ، ئوڭ قولىنىڭ بارمىقىنى زەيتۇن يېغىغا تەگكۈزۈپ، ھۇزۇرۇمدا يەرگە يەتتە قېتىم چاچسۇن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئالىقىنىدىكى زەيتۇن يېغىدىن ئۇنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقى، ئوڭ قولىنىڭ باش بارمىقى ۋە ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىغا، يەنى ئەيىب قۇربانلىقىنىڭ قېنىنى سۈرتكەن يەرلەرگە سۈرتسۇن. روھانىي ئالىقىنىدا ئېشىپ قالغان زەيتۇن يېغىنى ئۇنىڭ بېشىغا سۈرتۈپ، ئۇنى ھۇزۇرۇمدا ناپاكلىقتىن خالاس قىلسۇن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ قۇربى يەتكىنىچە ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەر تەييارلاپ، بىرسىنى پاكلىنىش قۇربانلىقى، يەنە بىرسىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلسۇن. ئۇلارغا يەنە ئاشلىق ھەدىيەسىمۇ قوشسۇن. شۇنداق قىلىپ روھانىي ئۇنى ھۇزۇرۇمدا ناپاكلىقتىن خالاس قىلسۇن. بۇلار تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، لېكىن پاكلىنىش رەسمىيىتىگە كېرەكلىك قۇربانلىقلارنى كەلتۈرۈشكە قۇربى يەتمىگەن كىشىلەر ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بەلگىلىمىلەردۇر. پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر مەن سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن زېمىن كەنئانغا بارغاندىن كېيىن، ئەگەر ئۇ يەردىكى ئۆيلەرنىڭ تاملىرىنى كۆكەرتىپ قويسام، ئۆي ئىگىسى: «مېنىڭ ئۆيۈمنىڭ تاملىرى كۆكىرىپ قالغاندەك تۇرىدۇ» دەپ روھانىيغا مەلۇم قىلسۇن. ئۆيدىكى نەرسىلەرنىڭ ناپاك دەپ ئېلان قىلىنماسلىقى ئۈچۈن، روھانىي ئۆينى تەكشۈرۈشتىن ئىلگىرى، ئۆينى بوشاتقۇزسۇن. ئاندىن روھانىي ئۆيگە كىرىپ، ئۆينىڭ كۆكەرگەن يېرىنى تەكشۈرسۇن. تامدا سۇس يېشىل ياكى قىزغۇچ رەڭدىكى ئالامەتلەر بايقالسا ھەم تامنىڭ ئىچىگە قاراپ يېيىلغان بولسا، روھانىي ئۆينى يەتتە كۈن پېچەتلىسۇن. يەتتىنچى كۈنى روھانىي ئۆينى يەنە بىر قېتىم تەكشۈرسۇن، ئەگەر ئۆينىڭ تاملىرىدىكى كۆك يېيىلىپ كەتكەن بولسا، كۆك يېيىلىپ كەتكەن جايدىكى تاشلارنى چىقىرىپ، شەھەر سىرتىدىكى ناپاك يەرگە تاشلاشقا ئەمر قىلسۇن. ئۆي ئىچىدىكى تاملارنىڭ سۇۋاقلىرىنى قىرىپ چۈشۈرۈپ، شەھەر سىرتىدىكى ناپاك يەرگە تۆكۈشكە ئەمر قىلسۇن. ئاندىن باشقا تاشلار ئەسلىدىكى چىقىرىۋېتىلگەن تاشلار ئورنىغا قويۇلۇپ، ئۈستى لاي بىلەن يېڭىدىن سۇۋالسۇن. تاشلار چىقىرىۋېتىلىپ، سۇۋاقلىرى قىرىلىپ، يېڭىدىن سۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇ يەردە يەنە كۆكىرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، روھانىي بېرىپ تەكشۈرسۇن. ئەگەر تامدىكى كۆك ئەتراپىغا يامراپ كەتكەن بولسا، ئۇ يامان سۈپەتلىك كۆكتۇر، ئۆي ناپاك ھېسابلانسۇن. ئۆينىڭ ئىگىسى ئۆينى بۇزۇپ، تاش، ياغاچ، كاكىللىرىنى شەھەر سىرتىدىكى ناپاك يەرگە تاشلىۋەتسۇن. ئۆي پېچەتلەنگەن مەزگىلدە ھەرقانداق ئادەم ئۇ ئۆيگە كىرسە، شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. ئاشۇ ئۆيدە تۇرغان، تاماق يېگەنلەرنىڭ ھەممىسى چوقۇم كىيىملىرىنى يۇيسۇن. لېكىن روھانىي بېرىپ يېڭىدىن سۇۋالغان ئۆينى تەكشۈرۈپ، ئۆينىڭ تاملىرىدا كۆك بايقىمىسا، ئۆينى پاك دەپ ئېلان قىلسۇن، چۈنكى تامدىكى كۆك يوقالغاندۇر. روھانىي ئۆينى پاكلاش مۇراسىمىغا ئىككى قۇش، ئازراق قارىغاي شېخى، توق قىزىل يىپ ۋە بىر تۇتام لېپەكگۈل ئېلىپ كەلسۇن. ئاندىن قۇشلاردىن بىرىنى ئېقىن سۇ تولدۇرۇلغان ساپال قاچىغا بوغۇزلىسۇن. ئۇنىڭدىن كېيىن ساپال قاچىغا قارىغاي شېخى، توق قىزىل يىپ، لېپەكگۈل ۋە ئىككىنچى تىرىك قۇشنى چىلاپ، قان تېمىتىلغان سۇنى ئۆيگە قارىتىپ، يەتتە قېتىم چاچسۇن. روھانىي مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ئۆينى پاكلىسۇن. ئاندىن تىرىك قۇشنى شەھەر سىرتىدىكى دالاغا قويۇۋەتسۇن. روھانىي ئۆينى پاكلاش مۇراسىمىنى مۇشۇ تەرىقىدە ئۆتكۈزسە، ئۆي پاكلانغان بولىدۇ. يۇقىرىدىكىلەر تېرە كېسىلى، تەمرەتكە، كىيىم-كېچەكلەرنىڭ پاختىلىشىشى ۋە ئۆيلەرنىڭ كۆكىرىپ قېلىشى، ئىششىق، تاشما ياكى ئاق داغ ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەردۇر. يۇقىرىدىكى بەلگىلىمىلەر پاك ياكى ناپاكلىققا ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئاساسىدۇر. پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر ئىسرائىللارغا ئېيتىڭلار، كېسەللىك سەۋەبىدىن بىر ئەرنىڭ جىنسىي ئەزاسىدىن ئاجرالمىلار ئاقسا، ئۇ ئەر ناپاكتۇر. مەيلى ئۇنىڭ جىنسىي ئەزاسىدىن ئاجرالمىلار ئاققان بولسۇن، ياكى جىنسىي يولى توسۇلۇپ قالغان بولسۇن، بۇ خىل كېسەللىك بەرىبىر ئۇنى ناپاك قىلىدۇ. ئۇ ئۇخلىغان تۆشەك، ئولتۇرغان ھەرقانداق نەرسە ناپاكتۇر. ئۇنىڭ تۆشىكىنى تۇتقان ئادەممۇ ناپاكتۇر. ئۇمۇ چوقۇم كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن، ئۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. ئۇ ئولتۇرغان نەرسىلەرگە ئولتۇرغان ئادەملەرمۇ ناپاكتۇر. ئۇلارمۇ كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن. ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. كېسەل كىشىگە تېگىپ كەتكەن ھەرقانداق ئادەم ناپاكتۇر. ئۇلار كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويلىرىنى سۇغا سالسۇن، ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. ئەگەر كېسەل كىشىنىڭ تۈكۈرۈكى پاك كىشىگە چاچراپ كەتسە، پاك كىشى چوقۇم كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن، ئۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. كېسەل كىشى ئىشلەتكەن ئېگەرمۇ ناپاكتۇر. ئۇ ئولتۇرغان نەرسىلەرگە تېگىپ كەتكەن كىشىلەرمۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. كىمكى شۇ نەرسىلەرنى كۆتۈرگەن بولسا، كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويلىرىنى سۇغا سالسۇن، ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. ئەگەر كېسەل كىشى قولىنى سۇدا چايقىماي تۇرۇپ، باشقىلارنى تۇتۇپ سالسا، تۇتۇلغان كىشىمۇ كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن، ئۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. كېسەل كىشى تېگىپ كەتكەن ساپال قاچا چېقىۋېتىلسۇن، ياغاچ نەرسىلەر سۇدا چايقالسۇن. كېسەل كىشى ساقايغاندىن كېيىن يەتتە كۈنلۈك پاكلىنىش مۇددىتىنى ئۆتكۈزۈپ، كىيىملىرىنى يۇيۇپ، ئېقىن سۇدا بويىنى سۇغا سالسۇن، شۇنداق قىلغاندىلا ئۇ پاكلىنىدۇ. سەككىزىنچى كۈنى ئۇ ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەرنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئەكېلىپ، مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا روھانىيغا تاپشۇرسۇن. روھانىي بىرسىنى پاكلىنىش قۇربانلىقى، يەنە بىرسىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلسۇن. شۇنداق قىلىپ روھانىي مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ئاجرالما كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىنى ناپاكلىقتىن خالاس قىلسۇن. _ بىر ئەر ئېھتىلام بولۇپ قالسا، بويىنى سۇغا سالسۇن، ئۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. مەنى تېگىپ قالغان كىيىم ۋە خۇرۇملارمۇ چوقۇم سۇ بىلەن يۇيۇلسۇن، ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. ئەگەر ئەر-ئايال جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇپ، ئەردىن مەنى كەلسە، ھەر ئىككىلىسى بويىنى سۇغا سالسۇن، ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. _ ئايال ھەيز كۆرگەن كۈندىن باشلاپ يەتتە كۈن ناپاكتۇر. بۇ مەزگىلدە ئۇنىڭغا تېگىپ كەتكەن ئادەممۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. ھەيز مەزگىلىدە ئۇ ياتقان ۋە ئولتۇرغان ھەرقانداق نەرسە ناپاكتۇر. ئۇنىڭ تۆشىكىگە تېگىپ كەتكەن ھەرقانداق ئادەم كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن. ئۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. ھەيز كۆرگەن ئايال ئولتۇرغان نەرسىگە تېگىپ كەتكەن ئادەممۇ كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن. ئۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. ھەيز كۆرگەن ئايالنىڭ تۆشىكىگە ياكى تۆشىكىنىڭ ئۈستىدىكى ھەرقانداق نەرسىگە تېگىپ كەتكەن كىشى شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. ئەگەر بىر ئەر ھەيز كۆرگەن ئايال بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇپ قالسا، ئايالنىڭ ناپاكلىقى ئەرگە ئۆتىدۇ. ھەيز ئەرنى يەتتە كۈنگىچە ناپاك قىلىدۇ. ئەر ياتقان تۆشەكمۇ ناپاك بولىدۇ. _ ئەگەر ئايالنىڭ ھەيز مەزگىلىدىن كېيىن يەنە قان كەلسە ياكى ھەيز مەزگىلى ئۇزىرىپ كەتسە، ئايال ھەيز مەزگىلىدىكىدەك ناپاك ھېسابلىنىدۇ. ئاشۇ مەزگىلدە ئۇ ياتقان تۆشەك ۋە ئولتۇرغان نەرسىلىرى خۇددى ھەيز مەزگىلىدىكىدەك ناپاكتۇر. بۇ نەرسىلەرگە تېگىپ كەتكەن ئادەممۇ ناپاكتۇر. ئۇ چوقۇم كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن. ئۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. ئۇ ئايال خۇن توختىغان كۈندىن باشلاپ يەتتە كۈننى ساناپ ئۆتكۈزسۇن، ئاندىن ئۇ ئايال پاك ھېسابلىنىدۇ. سەككىزىنچى كۈنى ئۇ ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەرنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئەكېلىپ، روھانىيغا تاپشۇرسۇن. روھانىي ئۇ پاختەكلەرنىڭ بىرىنى پاكلىنىش قۇربانلىقى، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلسۇن. شۇنداق قىلىپ، روھانىي ھەيز كۆرگەن ئايالنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ناپاكلىقىدىن خالاس قىلسۇن. ئىسرائىللارنىڭ ناپاك ۋاقتىدا، ئۇلارنى ئىبادەت چېدىرىدىن يىراق تۇرۇشىنى ئاگاھلاندۇرۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىبادەت چېدىرىمنى بۇلغاپ قويۇپ، ناپاك ھالەتتە جېنىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن ساقلىنالايسىلەر. ھارۇننىڭ ئىككى ئوغلى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ، ھالاك بولغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ ئاكاڭ ھارۇنغا ئېيتقىن، ئۇ پەردىنىڭ كەينىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جايغا قويۇلغان ئەھدە ساندۇقىنىڭ قاپقىقىغا، يەنى «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»غا خالىغانچە يېقىنلاشمىسۇن. بولمىسا، جەزمەن ھالاك بولىدۇ. چۈنكى مەن «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»نىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى بۇلۇت ئىچىدە زاھىر بولىمەن. ھارۇن ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىدىغان ۋاقتىدا، مۇنداق قىلسۇن: گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تۇياق بۇقا، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تۇياق قوچقار تەييار قىلسۇن. ئاندىن ئۇ زىغىر رەختتىن تەييارلانغان مۇقەددەس كىيىملەرنى كىيسۇن، يەنى تۆۋىنىگە تامبال، ئۈستىگە تونچە كۆڭلەك كىيسۇن، بېلىگە پوتا باغلىسۇن، بېشىغا سەللە يۆگىسۇن. ھارۇن بۇلارنى كىيىشتىن بۇرۇن بويىنى سۇغا سالسۇن. ئۇ ئىسرائىل جامائىتىدىن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى تۇياق تېكە، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تۇياق قوچقار ئالسۇن. ھارۇن ئالدى بىلەن ئۆزىنى ۋە ئائىلە تاۋابىئاتىنى گۇناھتىن ساقىت قىلىش ئۈچۈن، ھېلىقى بۇقىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئېلىپ كەلسۇن. ئاندىن ئىككى تۇياق تېكىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا، يەنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا ئېلىپ كەلسۇن. ئاندىن چەك تارتىش ئارقىلىق قايسى تېكىنىڭ مەن پەرۋەردىگارغا ئاتىلىدىغانلىقىنى، قايسى تېكىنىڭ ئازازۇل تەرەپكە قوغلىۋېتىلىدىغانلىقىنى بەلگىلىسۇن. ھارۇن چەك تاشلاش ئارقىلىق ماڭا ئاتالغان تېكىنى، يەنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنى تەييار قىلسۇن. چەك تاشلاش ئارقىلىق ئازازۇلغا ئاتالغان تېكىنى، يەنى خەلقنى گۇناھتىن ساقىت قىلىش ئۈچۈن چۆلگە قوغلىنىدىغان تېكىنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا ئېلىپ كەلسۇن. ھارۇن ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ گۇناھىنى ساقىت قىلىشى ئۈچۈن تەييارلانغان بۇقىنى، يەنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنى بوغۇزلىسۇن. ئاندىن ھۇزۇرۇمدىكى قۇربانلىق سۇپىسىدىن چوغ ئېلىپ، ئىسرىقداننى تولدۇرسۇن ۋە يۇمشاق ئېزىلگەن خۇشبۇي ئىسرىقلاردىن بىر ئوچۇم ئېلىپ، پەردىنىڭ كەينىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرسۇن ھەمدە ئۇنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ئوتتا كۆيدۈرسۇن. ئىسرىقلارنىڭ خۇش پۇراق ئىسى ئەھدە ساندۇقىنىڭ قاپقىقىنى، يەنى «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»نى قاپلىغاندا، ئۇ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. ئۇ بۇقىنىڭ قېنىدىن ئازراق ئېلىپ، بارمىقى بىلەن قاپقاققا، يەنى «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»نىڭ شەرقىي يان تەرىپىگە بىر قېتىم ۋە ساندۇقنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى يەرگە يەتتە قېتىم چاچسۇن. ئاندىن ھارۇن خەلقنىڭ ئۆزلىرىنىڭ گۇناھىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشقا ئاتىغان تېكىسىنى بوغۇزلاپ، قېنىنى پەردىنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ، خۇددى بۇقىنىڭ قېنىنى چاچقانغا ئوخشاش «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»غا ۋە ئۇنىڭ ئالدىغا چاچسۇن. ئۇ شۇ تەرىقىدە ئەڭ مۇقەددەس جاينى ئىسرائىللارنىڭ ناپاكلىقى، ئىتائەتسىزلىكى ۋە پۈتۈن گۇناھلىرىدىن پاكلىسۇن، ئۇچرىشىش چېدىرىنىمۇ پاكلىسۇن. چۈنكى ئۇچرىشىش چېدىرى ناپاك خەلقنىڭ ئارىسىدىدۇر. ھارۇن ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىپ، ئۆزىنى، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ۋە پۈتۈن ئىسرائىللارنى گۇناھتىن ساقىت قىلىپ، قايتىپ چىقمىغۇچە، ھېچكىم ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرمىسۇن. ئاندىن ئۇ ئۇچرىشىش چېدىرىدىن چىقىپ، ھۇزۇرۇمدىكى قۇربانلىق سۇپىسىنى پاكلىسۇن. ھارۇن بۇقا ۋە تېكىنىڭ قېنىدىن ئازراق ئېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سۈرتسۇن. ئۇ يەنە بۇقا ۋە تېكىنىڭ قېنىغا بارمىقىنى تەگكۈزۈپ، قۇربانلىق سۇپىسىغا يەتتە قېتىم چاچسۇن، شۇ ئارقىلىق قۇربانلىق سۇپىسىنى ئىسرائىللارنىڭ ناپاكلىقلىرىدىن پاكلاپ، مۇقەددەس قىلسۇن. ھارۇن ئەڭ مۇقەددەس جاي، ئۇچرىشىش چېدىرى ۋە قۇربانلىق سۇپىسىنى ناپاكلىقتىن خالاس قىلغاندىن كېيىن، ئازازۇلغا ئاتالغان تىرىك تېكىنى يېتىلەپ كەلسۇن. ئۇ ئىككى قولىنى تېكىنىڭ بېشىغا قويۇپ، ئىسرائىللارنىڭ ئاسىيلىقى، ئىتائەتسىزلىكى ۋە گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلسۇن ۋە ئۇلارنى تېكىگە يۈكلىسۇن. ئۇنىڭدىن كېيىن بەلگىلەنگەن ئادەم تېكىنى چۆلگە قوغلىۋەتسۇن. چۆلگە قوغلىۋېتىلگەن تېكە خەلقنىڭ پۈتۈن گۇناھلىرىنى چۆلگە ئېلىپ كېتىدۇ. ئاندىن ھارۇن ئۇچرىشىش چېدىرىغا قايتىپ كىرىپ، ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرگەندە كىيگەن زىغىر رەخت كىيىمىنى سېلىپ، شۇ يەردە قالدۇرسۇن. ئۇنىڭدىن كېيىن چېدىردىن چىقىپ، مۇقەددەس ھېسابلانغان ھويلىدا بويىنى سۇغا سېلىپ، ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا كىيىدىغان روھانىيلىق كىيىمنى كىيسۇن. ئاندىن ئۇ ئۆزىنىڭ گۇناھىنى ساقىت قىلىش ئۈچۈن تەييار قىلىنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى ۋە خەلقنىڭ گۇناھىنى ساقىت قىلىش ئۈچۈن يەنە بىر كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى قۇربانلىق قىلسۇن. ئۇ يەنە گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنىڭ مايلىرىنى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. ئازازۇلغا ئاتالغان تېكىنى چۆلگە قوغلىۋەتكۈچى كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سېلىپ، ئاندىن قارارگاھقا قايتسۇن. گۇناھنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ۋە گۇناھنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغان ۋە قېنى ئەڭ مۇقەددەس جايغا ئېلىپ كىرىلگەن بۇقا ۋە تېكە قارارگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىلىپ، تېرىسى، گۆشى ۋە ئۈچىيى كۆيدۈرۈلسۇن. كۆيدۈرۈشكە مەسئۇل كىشى كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سېلىپ، ئاندىن قارارگاھقا قايتسۇن. ھەر يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى مەيلى ئىسرائىللار بولسۇن، مەيلى ئىسرائىللار بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان يات خەلقلەر بولسۇن، ھەممىسى نەپسىنى يىغسۇن، ئىش قىلمىسۇن. بۇ ئۇلارنىڭ ئەمەل قىلىشىغا تېگىشلىك بولغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىسىدۇر. چۈنكى بۇ كۈنى خەلقنىڭ ھەممە گۇناھى ساقىت قىلىنىپ پاك بولىدۇ. ئۇلار مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا پاكلىنىدۇ. بۇ كۈنى ئۇلار نەپسىنى يىغىپ، تولۇق دەم ئالسۇن. بۇ ئۇلارنىڭ ئەمەل قىلىشىغا تېگىشلىك بولغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىسىدۇر. بېشىغا مۇقەددەس ياغ قۇيۇلۇپ، ئاتىسىنىڭ ئورنىغا باش روھانىيلىققا تەيىنلەنگەن كىشى قۇربانلىق سۇنۇپ، خەلقنى گۇناھتىن ساقىت قىلسۇن. ئۇ زىغىر رەختتىن تىكىلگەن مۇقەددەس كىيىمنى كىيىپ، ئەڭ مۇقەددەس جاي، ئۇچرىشىش چېدىرى، قۇربانلىق سۇپىسىنى پاكلاش ۋە روھانىيلار بىلەن پۈتۈن خەلقنى گۇناھتىن ساقىت قىلىش ئۈچۈن مۇراسىم ئۆتكۈزسۇن. ھەر يىلى ئىسرائىللار بىر قېتىم پۈتۈن گۇناھلىرىدىن ساقىت قىلىنسۇن. ئىسرائىللارنى گۇناھلىرىدىن ساقىت قىلىش مۇراسىمى ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلسۇن. بۇ ئۇلارنىڭ ئەمەل قىلىشىغا تېگىشلىك بولغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىسىدۇر. پەرۋەردىگار مۇسا ئارقىلىق نېمىنى ئەمر قىلغان بولسا، ھارۇن شۇنى بەجا كەلتۈردى. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سەن تۆۋەندىكى ئەمرلىرىمنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا، شۇنداقلا پۈتۈن ئىسرائىللارغا يەتكۈزگىن، ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا بىرەرسى كالا، قوي ۋە ئۆچكىلىرىنى مەيلى قارارگاھ ئىچىدە ياكى سىرتىدا بوغۇزلىغان بولسۇن، ئۇلارنى ئىبادەت چېدىرىم دەپ ئاتالغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، ماڭا ئاتاپ قۇربانلىق قىلمىسا، ئۇ قان تۆككەن گۇناھكار ھېسابلىنىپ، خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. بۇ قائىدە ئىسرائىللارغا ھايۋانلارنى خالىغان يەردە بوغۇزلىماسلىقنى ھەمدە ئۇلارنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا، يەنى روھانىيغا ئېلىپ كېلىپ، ئامانلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە ماڭا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىشىنى ئۆگىتىدۇ. روھانىي قۇربانلىقنىڭ قېنىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدىكى مېنىڭ قۇربانلىق سۇپامغا چاچسۇن، مايلىرىنى كۆيدۈرۈپ، مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنسۇن. ئۇلار بۇندىن كېيىن يەنە ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، قۇربانلىقلىرىنى ئۆچكە سىياقىدىكى جىنلارغا ئاتىمىسۇن. بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىدۇر، بۇنىڭغا ئۇلار ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەل قىلسۇن. ئۇلارغا شۇنى ئېيتقىنكى، مەيلى ئىسرائىللار، مەيلى ئىسرائىللار ئارىسىدىكى يات خەلقلەر بولسۇن، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنى ماڭا ئاتاپ، ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلمىسە، خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. _ مەيلى ئىسرائىللار ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقان يات خەلقلەر بولسۇن، كىمكى قان يېسە، مەنكى پەرۋەردىگار ئۇلارغا قارشى تۇرىمەن ۋە ئۇلارنى خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىمەن. چۈنكى ھەممە جانلىقنىڭ جېنى قاندىدۇر. مەن پەرۋەردىگار قاننى ئۇلارغا قۇربانلىق سۇپىسىدا ئۆزلىرىنى گۇناھتىن ساقىت قىلىشى ئۈچۈن بەردىم. ئۇلارنى گۇناھتىن ساقىت قىلىدىغىنى جانلىقنىڭ جېنى بولغان قاندۇر. شۇڭا مەن ئىسرائىللارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقان يات خەلقلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، ئۇلار قان يېمىسۇن. ئەگەر ئىسرائىللار ۋە ئىسرائىللار ئارىسىدا ياشاۋاتقان يات خەلقلەر ھالال قۇش ياكى ھالال ياۋايى ھايۋاننى ئوۋلاپ تۇتۇۋالسا، ئۇنى دەرھال بوغۇزلاپ، قېنىنى كۆمۈۋەتسۇن. چۈنكى ھەممە جانلىقنىڭ جېنى قاندىدۇر. شۇڭا مەن ئىسرائىللارنىڭ ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقان يات خەلقلەرنىڭ قان يېيىشىنى چەكلىدىم، چۈنكى جان قاندىدۇر. قان يېگەن ئادەم خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. مەيلى ئىسرائىللار ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقان يات خەلقلەر بولسۇن، ئۇلار يىرتقۇچ ھايۋانلار ئۆلتۈرۈپ قويغان ياكى ئۆزلۈكىدىن ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېسە ناپاك بولىدۇ. ئۇلار چوقۇم كىيىمىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن. ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر، كۈن پاتقاندا ئاندىن ئۇلار پاكلىنىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئۇنداق قىلمىسا، جازايىمغا ئۇچرايدۇ. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىللارغا ئېيتقىن: «مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. سىلەر ياشىغان مىسىرنىڭ خەلقىنىڭ قائىدىلىرىنىمۇ ۋە مەن سىلەرنى ئېلىپ بارىدىغان كەنئان خەلقىنىڭ ئادەتلىرىنىمۇ دورىماڭلار. مېنىڭ قانۇنلىرىمغا ئەمەل قىلىڭلار، بەلگىلىمىلىرىمگە رىئايە قىلىڭلار. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. سىلەر مەن بۇيرۇغان قانۇن-نىزاملارغا ئەمەل قىلساڭلار، ھايات قالىسىلەر. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. ھەرقاندىقىڭلار قان قېرىندىشىڭلار بىلەن زىنا قىلماڭلار، مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. ئاناڭلار بىلەن زىنا قىلىپ، ئاتاڭلارغا ھاقارەت قىلماڭلار. ئۇلار سىلەرنىڭ ئاناڭلار بولغاچقا، ئۇلار بىلەن زىنا قىلماڭلار. ئاتاڭلارنىڭ توقاللىرى بىلەن زىنا قىلىپ، ئاتاڭلارغا ھاقارەت قىلماڭلار. ئاچا-سىڭىللىرىڭلار، ئانا باشقا ياكى ئاتا باشقا ئاچا-سىڭىللىرىڭلار بىلەن زىنا قىلماڭلار. ئۇلار بىلەن بىر ئائىلىدە چوڭ بولغان ياكى بولمىغانلىقىڭلاردىن قەتئىينەزەر بۇنداق مۇناسىۋەتتە بولماڭلار. ئوغلۇڭلارنىڭ ياكى قىزىڭلارنىڭ قىزى بىلەن زىنا قىلماڭلار، ئۇ شەنىڭلارغا داغ چۈشۈرىدۇ. ئۆگەي ئاناڭلاردىن تۇغۇلغان بىر ئۆيدە چوڭ بولغان قىز قېرىندىشىڭلار بىلەن زىنا قىلماڭلار. ئۇلار سىلەرنىڭ ئاچا-سىڭلىڭلاردۇر. ئاتاڭلارنىڭ ئاچا-سىڭىللىرى بىلەن زىنا قىلماڭلار، ئۇ ئاتاڭلارنىڭ قان قېرىندىشىدۇر. ئاناڭلارنىڭ ئاچا-سىڭىللىرى بىلەن زىنا قىلماڭلار، ئۇ ئاناڭلارنىڭ قان قېرىندىشىدۇر. ئاتاڭلارنىڭ ئاكا-ئىنىسىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىپ، تاغاڭلارغا ھاقارەت قىلماڭلار. چۈنكى ئۇلار سىلەرنىڭ يەڭگەڭلاردۇر. كېلىنىڭلار بىلەن زىنا قىلماڭلار. ئۇ ئوغلۇڭلارنىڭ ئايالىدۇر، ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلىشقا بولمايدۇ. ئاكا-ئىنىڭلارنىڭ ئاياللىرى بىلەن زىنا قىلىپ، قېرىندىشىڭلارغا ھاقارەت قىلماڭلار. بىر ئايال بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغان ئەھۋالدا، ئۇنىڭ قىزى ۋە قىز نەۋرىسى بىلەن زىنا قىلماڭلار، ئۇلار قانداشتۇر. بۇنداق قىلىش رەزىللىكتۇر. ئايالىڭلار ھايات ۋاقتىدا، ئۇلارنىڭ ئاچا-سىڭىللىرىنى ئەمرىڭلارغا ئېلىپ، ئۇلارنى كۈنداش قىلىپ قويماڭلار. ھەيز كۆرۈپ ناپاك بولغان ئايالىڭلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلماڭلار. باشقىلارنىڭ ئاياللىرى بىلەن زىنا قىلىپ، ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار. ئوغۇل-قىزلىرىڭلارنى بۇت ئىلاھى مولەككە قۇربانلىق سۈپىتىدە ئاتاپ، مەن خۇدايىڭلارنىڭ نامىنى بۇلغىماڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. بىر ئەر ئايال بىلەن ياتقاندەك، باشقا بىر ئەر بىلەن ياتمىسۇن، بۇ يىرگىنچلىك ئىشتۇر. ھايۋانلار بىلەن جىنسىي ئالاقىدە بولۇپ، ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار. ئاياللارمۇ ئۆزىنى ھايۋانغا تۇتۇپ بېرىپ، ئۇلار بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلمىسۇن، بۇ ئىپلاسلىقتۇر. سىلەر بۇ ئىشلار بىلەن ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار. مەن سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا قوغلاپ چىقارماقچى بولغان خەلقلەر دەل مۇشۇنداق ئىشلار بىلەن ئۆزلىرىنى بۇلغىغانلاردۇر. ئۇلار تۇرغان زېمىنلارمۇ بۇلغاندى. مەن ئۇلارنىڭ گۇناھى ئۈچۈن بۇ زېمىننى جازالايمەن، شۇڭا بۇ زېمىن ئۇلارنى قۇسۇپ چىقىرىۋېتىدۇ. سىلەر چوقۇم مېنىڭ قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلىڭلار. مەيلى سىلەر بولۇڭلار، مەيلى ئاراڭلاردا ياشاۋاتقان يات خەلقلەر بولسۇن، ھېچقايسىڭلار بۇنداق يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلماڭلار. بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان كىشىلەر مۇشۇنداق ئىشلار بىلەن بۇ زېمىننى بۇلغىدى. ئەگەر سىلەرمۇ بۇ زېمىننى بۇلغىساڭلار، بۇ زېمىن ھازىر ياشاۋاتقان خەلقلەرنى قۇسۇپ چىقىرىۋەتمەكچى بولغاندەك، سىلەرنىمۇ قۇسۇپ چىقىرىۋېتىدۇ. مۇشۇنداق يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلغانلار خەلق ئارىسىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. سىلەر ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئۇ زېمىندىكى خەلقلەرنىڭ يىرگىنچلىك ئادەتلىرى بىلەن ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.» پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سەن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «پاك بولۇڭلار، چۈنكى مەنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا مۇقەددەستۇرمەن. ئاتا-ئاناڭلارنى ھۆرمەت قىلىڭلار. مېنىڭ دەم ئېلىش كۈنۈمگە ئەمەل قىلىڭلار. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. بۇتلارغا سەجدە قىلماڭلار، ئۆزۈڭلارغا ئاتاپ قۇيما بۇت ياسىماڭلار. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. ماڭا ئامانلىق قۇربانلىقىڭلارنى سۇنغىنىڭلاردا، مەن جاكارلىغان قائىدىلەرگە ئەمەل قىلساڭلار، قۇربانلىقىڭلارنى قوبۇل قىلىمەن. سۇنۇلغان قۇربانلىقلار شۇ كۈنى ياكى ئەتىسى يەپ تۈگىتىلسۇن. ئەگەر ئۈچىنچى كۈنىگە ئېشىپ قالسا، ھەممىسى كۆيدۈرۈلسۇن، چۈنكى ئۇ سېسىپ كەتكەن ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يېيىلسە، مەن بۇنداق قۇربانلىقنى قوبۇل قىلمايمەن. ئۇنى يېگەن ئادەم جازايىمغا ئۇچرايدۇ. چۈنكى ئۇ مەن مۇقەددەس دەپ بىلگەن قۇربانلىقنى بۇلغىدى. ئۇنداق كىشى خەلقنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. ئورما ئورغان ۋاقتىڭلاردا ئېتىزنىڭ قىرىدىكى زىرائەتلەرنى ئورماڭلار ھەم ئېتىزدا قالغان باشاقلارنى تېرىۋالماڭلار. ئۈزۈمزارلىقتىكى ئۈزۈملەرنى پاك-پاكىز يىغىۋالماڭلار ھەم يەرگە چۈشۈپ كەتكەن ئۈزۈملەرنى يىغماڭلار. ئۇلارنى ئاراڭلاردىكى كەمبەغەللەرگە ۋە يات خەلقلەردىن بولغان مۇساپىرلارغا قالدۇرۇڭلار. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. ئوغرىلىق، يالغانچىلىق ۋە ئالدامچىلىق قىلماڭلار. مېنىڭ نامىم بىلەن قەسەم قىلساڭلار، قەسىمىڭلاردا چىڭ تۇرۇڭلار، بولمىسا نامىمنى بۇلغايسىلەر. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. باشقىلارنى قاقتى-سوقتى قىلماڭلار، ئۇلارنىڭ نەرسىلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلماڭلار. ئادەم ئىشلەتسەڭلار، ھەققىنى شۇ كۈنى بېرىڭلار، ئەتىگە قالدۇرماڭلار. گاسنى ھاقارەتلىمەڭلار، قارىغۇنى پۇتلىماڭلار، مەن خۇدايىڭلاردىن ئەيمىنىڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. ھەقىقەتنى بۇرمىلىماڭلار، ھەم نامراتلارغا يان باسماڭلار ھەم ھوقۇقدارلارغا خۇشامەت قىلماڭلار، ھۆكۈمدە ئادىل بولۇڭلار. باشقىلارغا تۆھمەت قىلماڭلار. باشقىلار ھەققىدە يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ ھاياتىغا زامىن بولماڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. قېرىندىشىڭلارغا ئاداۋەت ساقلىماڭلار، ئەيىبىنى يۈزىگە دەڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ گۇناھىغا شېرىك بولۇپ قالمايسىلەر. ئۆچ ئالماڭلار، قېرىندىشىڭلارغا غۇم ساقلىماڭلار، باشقىلارنى ئۆزۈڭلارنى سۆيگەندەك سۆيۈڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلىڭلار. ئوخشىمىغان تۈردىكى ھايۋانلارنى ئۆزئارا جۈپلەشتۈرمەڭلار. بىر ئېتىزغا ئوخشىمىغان ئىككى خىل ئۇرۇق ئارىلاشتۇرۇپ چاچماڭلار، ئىككى خىل يىپتىن توقۇلغان كىيىمنى كىيمەڭلار. بىر كىشىگە نىكاھلىنىشقا پۈتۈشۈپ قويۇلغان دېدەك تېخى سېتىلمىغان ياكى ئازاد قىلىنمىغان ئەھۋالدا، باشقا بىرى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ياتسا، ئۇ دېدەكنىڭ ئىگىسىگە تۆلەم تۆلىسۇن. لېكىن ئۇلار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنمىسۇن، چۈنكى دېدەك تېخى ئازاد ئەمەستۇر. دېدەك بىلەن بىرگە ياتقان ئادەم ئەيىب قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تۇياق قوچقارنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئەكېلىپ، مەن پەرۋەردىگارغا ئاتىسۇن. روھانىي ئەيىب قۇربانلىقى ئارقىلىق ئۇنى گۇناھتىن ساقىت قىلسۇن، ئاندىن ئۇنىڭ گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. سىلەر كەنئان زېمىنىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ھەر خىل مېۋىلىك دەرەخلەرنى تىككەندىن كېيىن، ئۈچ يىلغىچە مېۋىسىنى يېمەڭلار، ئۇلارنى يېيىش مەنئى قىلىنسۇن. تۆتىنچى يىلىدىكى مېۋىلەرنىڭ ھەممىسى مەدھىيە ھەدىيەسى سۈپىتىدە ماڭا ئاتالسۇن. بەشىنچى يىلى مېۋىلەرنى يېسەڭلار بولىدۇ. بۇ قائىدىگە ئەمەل قىلساڭلار، مېۋىلىك دەرىخىڭلار تېخىمۇ كۆپ مېۋە بېرىدۇ. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. قانسىرىمىغان گۆشنى يېمەڭلار. پال سالغۇزماڭلار ۋە ئەپسۇنمۇ ئوقۇتماڭلار. چېكى چېچىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار، ساقىلىڭلارنىڭ يانلىرىنى قىرقىماڭلار. ئۆلگەنلەر ئۈچۈن ھازا تۇتقىنىڭلاردا تېنىڭلارنى تىلماڭلار. تېنىڭلارغا بەلگە سالماڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. قىزىڭلارنى پاھىشەلىككە سېلىپ، ئۇنى خورلىماڭلار، بولمىسا زېمىنىڭلار بۇزۇقچىلىققا ۋە رەزىللىككە تولۇپ كېتىدۇ. دەم ئېلىش كۈنۈمگە ئەمەل قىلىڭلار ۋە ئىبادەت جايىمغا ھۆرمەت قىلىڭلار، مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. ئەرۋاھ چاقىرغۇچىلاردىن ياكى جادۇگەرلەردىن ئۈمىد كۈتۈپ، ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. مويسىپىت كىشىلەرنى كۆرگەندە ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەڭلار. مەنكى خۇدايىڭلاردىن ئەيمىنىڭلار، مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. سىلەر بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان يات خەلقلەردىن بولغان مۇساپىرلارنى خورلىماڭلار، ئۇلارنى ئىسرائىل قېرىندىشىڭلاردەك كۆرۈڭلار، ئۇلارنى ئۆزۈڭلارنى سۆيگەندەك سۆيۈڭلار، چۈنكى سىلەرمۇ بۇرۇن مىسىردا مۇساپىر بولۇپ ياشىغان. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. ئۇزۇنلۇق، ئېغىرلىق ۋە مىقدار ئۆلچەملىرىدە ئالدامچىلىق قىلماڭلار. تارازاڭلار، تارازا تېشىڭلار، كۈرە ۋە كەمچىنىڭلار توغرا بولسۇن. مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. مېنىڭ بارلىق ئەمر-پەرمانلىرىمغا ئەمەل قىلىڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.» پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سەن ئىسرائىل خەلقىگە ئېيتقىن: «ئىسرائىل خەلقىدىن ياكى يۇرتۇڭلاردا ياشاۋاتقان يات خەلقلەردىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەرقانداق بىر كىشى ئۆزىنىڭ پەرزەنتىنى بۇت ئىلاھى مولەككە ئاتاپ قۇربانلىق قىلسا، ئۇ كىشى چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن، جامائەت ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسۇن. مەنمۇ ئۇنداق ئادەمگە قارشى چىقىپ، ئۇنى خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىمەن. چۈنكى ئۇ پەرزەنتىنى بۇت ئىلاھى مولەككە ئاتاپ، مېنىڭ ئىبادەت جايىمنى ۋە مۇقەددەس نامىمنى بۇلغىدى. ئەگەر جامائەت بالىلىرىنى بۇت ئىلاھى مولەككە ئاتاپ قۇربانلىق قىلغۇچى بىلەن كارى بولماي، ئۇنى ئۆلتۈرمىسە، مەن ئۇلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا قارشى چىقىمەن. مەندىن تېنىپ بۇت ئىلاھى مولەككە چوقۇنغۇچىلارنى ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكۈچىلەرنى خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىمەن. ئەگەر بىرسى مەندىن تېنىپ ئەرۋاھ چاقىرغۇچىلار ياكى جادۇگەرلەردىن ئۈمىد كۈتسە، مەن ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ، خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىمەن. ئۆزۈڭلارنى ماڭا بېغىشلاپ، پاك بولۇڭلار. چۈنكى مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلىڭلار. مەن سىلەرنى پاكلىغۇچى پەرۋەردىگاردۇرمەن. ئاتا-ئانىسىنى قارغىغانلار ئۆلتۈرۈلسۇن. ئۇلار ئاتا-ئانىسىنى قارغىغانلىقى ئۈچۈن، گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى تارتسۇن. ئەگەر بىرسى باشقا بىرىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلغان بولسا، زىنا قىلغان ھەر ئىككىلىسى ئۆلتۈرۈلسۇن. ئەگەر بىرسى ئاتىسىنىڭ توقىلى بىلەن زىنا قىلغان بولسا، ئاتىسىغا ھاقارەت قىلغان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئۆلتۈرۈلسۇن، ئۇلار گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتسۇن. ئەگەر بىرسى كېلىنى بىلەن زىنا قىلغان بولسا، ھەر ئىككىلىسى ئۆلتۈرۈلسۇن. چۈنكى ئۇلارنىڭ قىلمىشى ئىپلاسلىق بولۇپ، ئۇلار گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتسۇن. ئەگەر بىر ئەر ئايال بىلەن ياتقاندەك، باشقا بىر ئەر بىلەن ياتسا، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى يىرگىنچلىك قىلمىشلىرى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلسۇن ۋە گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى تارتسۇن. ئەگەر بىرسى توي قىلغاندىن كېيىن، ئايالىنىڭ ئانىسى بىلەن نىكاھلانسا، بۇ رەزىللىك ھېسابلىنىدۇ، ئۈچىلىسى ئوتتا كۆيدۈرۈلسۇن. بۇ خىل رەزىللىكلەر ئاراڭلاردا قەتئىي يۈز بەرمىسۇن. ئەگەر بىر ئەر ھايۋان بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلسا، ھەر ئىككىلىسى ئۆلتۈرۈلسۇن. ئەگەر بىر ئايال ھايۋان بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلسا، ھەر ئىككىلىسى ئۆلتۈرۈلسۇن ۋە گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى تارتسۇن. ئەگەر بىرسى ئۆز ئاچا-سىڭىللىرى ياكى ئانا باشقا ياكى ئاتا باشقا ئاچا-سىڭىللىرىنى خوتۇن قىلىپ، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە، بۇ نومۇسلۇق ئىش ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. ئۇ ئاچا-سىڭىللىرىنىڭ شەنىگە داغ تەگكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆز گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتسۇن. ئەگەر بىر ئەر ھەيز كۆرگەن ئايال بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە، ھەر ئىككىلىسى ئايالنىڭ ھەيز مەنبەسىنى ئاچقان ھېسابلىنىپ، خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. ئانىسىنىڭ ياكى ئاتىسىنىڭ قىز قېرىنداشلىرى بىلەن زىنا قىلىشقا بولمايدۇ، بۇ قان قېرىنداشلىرىنى ھاقارەتلىگەنلىكتۇر. ئۇلار جازايىمغا ئۇچرايدۇ. ئاتىسىنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ خوتۇنلىرى بىلەن زىنا قىلىش قېرىنداشلىرىنى ھاقارەتلىگەنلىك ھېسابلىنىدۇ. ھەر ئىككىلىسى ئۆز گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىپ، پەرزەنت يۈزى كۆرمەي، ئۆلىدۇ. كىمكى ئاكىسى ياكى ئىنىسىنىڭ خوتۇنىنى خوتۇنلۇققا ئالسا، ئۇ قېرىندىشىنى ھاقارەتلىگەن بولىدۇ، بۇ ئىپلاسلىقتۇر. ئۇلار پەرزەنت يۈزى كۆرمەي ئۆلىدۇ. مېنىڭ بارلىق قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلىڭلار. شۇندىلا سىلەر مەن سىلەرنى ئېلىپ بارغان زېمىندىن قۇسۇپ چىقىرىۋېتىلىشتىن ساقلىنالايسىلەر. مەن سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا ئۇ زېمىندىكى باشقا خەلقلەرنى قوغلاپ چىقىرىمەن. سىلەر ئۇلارنىڭ ئادەتلىرىگە ئەگەشمەڭلار. ئۇلار يۇقىرىقىدەك ئىشلارنى قىلغانلىقى ئۈچۈن، مەن ئۇلارنى ئۆچ كۆرىمەن. مەن سىلەرگە: ‹ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلەيسىلەر، سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىننى سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بېرىمەن› دېگەنىدىم. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. مەن سىلەرنى باشقا خەلقلەردىن ئايرىپ چىقتىم. شۇڭا سىلەر ھايۋان ۋە قۇشلارنىڭ ھالال ۋە ھاراملىرىنى ئايرىڭلار. مەن ھارام دەپ بېكىتكەن ئۇچار قاناتلارنى، ھايۋانلارنى ۋە قۇرت-قوڭغۇزلارنى يەپ، ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار. پاك بولۇڭلار، چۈنكى مەن پەرۋەردىگار مۇقەددەستۇرمەن. سىلەرنى باشقا خەلقلەردىن ئايرىپ چىقىپ، مېنىڭ خەلقىم قىلدىم. ئەگەر بىرسى ئەرۋاھ چاقىرىپ، جادۇگەرلىك قىلسا، مەيلى ئەر، مەيلى ئايال بولسۇن، ھەممىسى ئۆلتۈرۈلسۇن. سىلەر ئۇلارنى چالما-كېسەك قىلىپ، ئۆلتۈرۈڭلار، ئۇلار گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى تارتسۇن.» پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سەن ھارۇننىڭ روھانىي ئوغۇللىرىغا ئېيتقىن، روھانىيلار خەلق ئارىسىدىكى ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ جەسىتىگە تېگىپ، ئۆزلىرىنى ناپاك قىلمىسۇن. ئۇلار پەقەت ئۆزى بىلەن قانداش بولغان ئاتا-ئانىسى، ئوغۇل-قىزلىرى، ئاكا-ئىنىلىرى، تېخى ياتلىق بولمىغان ئاچا-سىڭىللىرى سەۋەبىدىن ناپاك بولسا بولىدۇ. لېكىن ئۇلار خەلقنىڭ باشلامچىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ جەسىتى سەۋەبىدىن ئۆزلىرىنى بۇلغىسا بولمايدۇ. ئۇلار ھازىدار بولغاندا چېچىنى چۈشۈرمىسۇن، ساقاللىرىنىڭ يانلىرىنى قىرقىمىسۇن، تەنلىرىنى تىلمىسۇن. ئۇلار مېنىڭ ئالدىمدا پاك بولسۇن، نامىمنى بۇلغىمىسۇن. چۈنكى ئۇلار مەن پەرۋەردىگارغا يېمەكلىك سۈپىتىدىكى تائام ھەدىيەلىرىنى سۇنىدۇ، شۇڭا ئۇلار پاك بولسۇن. روھانىيلار بۇلغانغان پاھىشە ئاياللارنى ياكى ئاجراشقان ئاياللارنى ئەمرىگە ئالمىسۇن، چۈنكى روھانىيلار مېنىڭ نەزىرىمدە پاكتۇر. سىلەر روھانىيلارنى مۇقەددەس دەپ بىلىڭلار، چۈنكى ئۇلار ماڭا ئاتالغان يېمەكلىكنى سۇنغۇچىلاردۇر. سىلەر روھانىيلارنى مۇقەددەس دەپ بىلىڭلار، چۈنكى مەن پەرۋەردىگار مۇقەددەستۇرمەن. سىلەرنىمۇ پاكلىغۇچى مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. روھانىيلارنىڭ قىزلىرى زىنا قىلىپ ئۆزلىرىنى بۇلغىسا، ئاتىلىرىغا ھاقارەت قىلغانلىق بولىدۇ، ئۇلار ئوتتا كۆيدۈرۈلسۇن. روھانىيلارنىڭ ئىچىدىكى بېشىغا ياغ قۇيۇلۇپ، مۇقەددەس توننى كىيىپ، باش روھانىيلىققا تەيىنلەنگۈچى ھازا تۇتۇش ئۈچۈن چاچلىرىنى چۇۋۇپ، كىيىملىرىنى يىرتمىسۇن. ئۇ ھەرقانداق جەسەتكە يېقىنلاشمىسۇن، ھەتتا ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ جەسىتى بولسىمۇ يېقىنلاشمىسۇن. ئۆزىنى بۇلغاشتىن ساقلىسۇن. ئۇ ئىبادەت جايىمنىڭ بۇلغانماسلىقى ئۈچۈن، دەپنە مۇراسىمىغا بارمىسۇن. چۈنكى ئۇ مېنىڭ مۇقەددەس يېغىم بىلەن ماڭا بېغىشلانغاندۇر. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. باش روھانىي يۈزى ئېچىلمىغان قىزنى ئەمرىگە ئالسۇن. تۇل ئايالنى، ئاجراشقان ئايالنى، ياكى بۇلغانغان پاھىشەنى ئەمرىگە ئالمىسۇن. ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ قەبىلىسى ئىچىدىكى يۈزى ئېچىلمىغان قىزنى ئەمرىگە ئالغاندىلا، پەرزەنتلىرى خەلق ئارىسىدا پاك ھېسابلىنىدۇ. مەن ئۇنى پاكلىغۇچى پەرۋەردىگاردۇرمەن. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ ھارۇنغا ئېيتقىن، ئۇنىڭ نەسلىدىن بولغان جىسمانىي جەھەتتە ئەيىبى بارلارنىڭ ھېچقايسىسى ماڭا ئاتاپ ھۇزۇرۇمغا يېمەكلىك ئەكەلمىسۇن. بۇنىڭغا كېيىنكى ئەۋلادلىرىڭمۇ ئەمەل قىلسۇن. جىسمانىي جەھەتتە ئەيىبى بارلارنىڭ ھەممىسى، يەنى مەيلى قارىغۇ، ئاقساق-چولاق، چىرايى بۇزۇلغان، پۇت-قوللىرى ئۇزۇن ئۆسۈپ قالغان، قول-پۇتى سۇنغان، دوك، پارپا، كۆزى ئەيىبلىك، قوتۇر ياكى قىچىشقاق بولسۇن، ياكى ئۇرۇقدېنى ئېزىلىپ كەتكەن بولسۇن، ھېچقايسىسى ماڭا ھەدىيە سۇنمىسۇن. روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن جىسمانىي جەھەتتە ئەيىبى بولغىنى ھۇزۇرۇمغا كېلىپ يېمەكلىك سۈپىتىدىكى تائام ھەدىيەلىرىنى سۇنمىسۇن. لېكىن ئۇ مەن خۇداغا سۇنۇلغان يېمەكلىكلەردىن، مەيلى مۇقەددەس بولسۇن ياكى ئەڭ مۇقەددەس بولسۇن، ھەممىسىدىن يېسە بولىدۇ. بىراق، ئۇنىڭ جىسمانىي جەھەتتە ئەيىبى بولغاچقا، ئەڭ مۇقەددەس جاينىڭ ئالدىدىكى پەردىگە ياكى چېدىر ئالدىدىكى قۇربانلىق سۇپىسىغا يېقىن كەلمىسۇن. بولمىسا، ئۇ مېنىڭ مۇقەددەس بولغان جايلىرىمنى بۇلغايدۇ. مەن بۇلارنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگاردۇرمەن. مۇسا بۇلارنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ھەم ئىسرائىللارغا تاپىلىدى. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ئېيتقىن، مېنىڭ مۇقەددەس نامىمنىڭ بۇلغانماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئىسرائىللارنىڭ ماڭا بېغىشلىغان مۇقەددەس يېمەكلىكلىرىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلسۇن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىرەرسى ناپاك تۇرۇپ، ئىسرائىللارنىڭ ماڭا بېغىشلىغان مۇقەددەس يېمەكلىكلىرىگە يېقىنلاشسا، ئۇ ئىبادەت جايىمدا قەتئىي خىزمەت قىلمىسۇن، مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئىچىدىكى تېرە كېسىلىگە ياكى جىنسىي ئەزاسىدىن ئاجرالما ئېقىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىرى تاكى پاكلانغۇچە مۇقەددەس يېمەكلىكلەردىن يېمىسۇن. جەسەت سەۋەبىدىن ناپاك بولغان نەرسىگە تېگىپ كەتكەن ئادەم، ئېھتىلام بولغان ئادەم، ياكى ھارام ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلارغا ۋە ناپاك ئادەمگە تېگىپ كېتىپ ناپاك بولغان ئادەم بولسۇن، شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. بويىنى سۇغا سالمىغۇچە، مۇقەددەس يېمەكلىكلەردىن يېمىسۇن. كۈن ئولتۇرغاندا ئۇ پاكلىنىدۇ، ئاندىن ئۇ مۇقەددەس يېمەكلىكلەردىن يېسە بولىدۇ، چۈنكى بۇ ئۇنىڭ يېمەكلىكىدۇر. ئۇ يىرتقۇچ ھايۋانلار ئۆلتۈرۈپ قويغان ياكى ئۆزلۈكىدىن ئۆلۈپ قالغان ھايۋانلارنى يەپ، ئۆزىنى بۇلغىمىسۇن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. روھانىيلار مەن جاكارلىغان بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلسۇن. بولمىسا مۇقەددەس يېمەكلىكلەرنى بۇلغايدۇ. بۇ گۇناھى ئۈچۈن گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتىپ ھالاك بولىدۇ. مەن ئۇلارنى پاكلىغۇچى پەرۋەردىگاردۇرمەن. روھانىي ئائىلىسىدىكىلەردىن باشقا ھەرقانداق ئادەم مۇقەددەس يېمەكلىكلەردىن يېمىسۇن. مەيلى روھانىينىڭ مېھمىنى، مەيلى روھانىينىڭ چاكىرى بولسۇن، ھېچكىم مۇقەددەس يېمەكلىكلەردىن يېمىسۇن. لېكىن روھانىي سېتىۋالغان قۇل ياكى روھانىينىڭ ئۆيىدە تۇغۇلغان قۇل مۇقەددەس يېمەكلىكلەردىن يېسە بولىدۇ. روھانىينىڭ قىزى روھانىيلاردىن باشقا كىشىگە ياتلىق قىلىنسا، روھانىينىڭ نېسىۋىسى بولغان مۇقەددەس يېمەكلىكلەردىن يېمىسۇن. ناۋادا روھانىينىڭ قىزى تۇل بولۇپ قالسا، ياكى ئېرىدىن ئاجرىشىپ كېتىپ، بالىسى بولمىغانلىقتىن ئاتىسىنىڭ ئائىلىسىگە قايتىپ كەلگەن بولسا، قىزلىق دەۋرىدىكىدەك ئاتىسىنىڭ يېمەكلىكلىرىدىن يېسە بولىدۇ. مۇقەددەس يېمەكلىكلەرنى روھانىي ئائىلىسىدىكىلەردىن باشقىلار يېمىسۇن. ئەگەر بىرى مۇقەددەس يېمەكلىكلەردىن ئۇقۇشماي يەپ سالسا، مۇقەددەس يېمەكلىكلەرنىڭ ئەسلى قىممىتىگە يەنە بەشتىن بىر قىسمىنى قوشۇپ، روھانىيغا تۆلەپ بەرسۇن. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ھەمدە پۈتۈن ئىسرائىللارغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «سىلەر ياكى ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان يات خەلقلەر ئىچكەن قەسىمىڭلار بويىچە ياكى خالىس ھالدا ماڭا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنماقچى بولساڭلار، بىر تۇياق بېجىرىم بۇقا، قوچقار ياكى تېكە سۇنۇڭلار، شۇندىلا قۇربانلىقىڭلار قوبۇل بولىدۇ. بېجىرىم بولمىغان ھايۋانلارنى سۇنساڭلار، قوبۇل بولمايدۇ. ئەگەر بىرىڭلار ئىچكەن قەسىمىڭلار بويىچە ياكى خالىس ھالدا ماڭا ئاتاپ ئامانلىق قۇربانلىقى سۇنماقچى بولساڭلار، چوقۇم كالا، قوي ۋە ئۆچكىلىرىڭلارنىڭ بېجىرىم ۋە ساغلاملىرىدىن سۇنۇڭلار. قارىغۇ، ئاقساق-چولاق، زەخىملەنگەن، يىرىڭلىق يارا ۋە قوتۇر باسقان ھايۋانلارنى قۇربانلىق قىلماڭلار. بۇلارنى ماڭا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىسىدا تائام ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇشقا بولمايدۇ. لېكىن خالىس ھالدا قۇربانلىق سۇنماقچى بولساڭلار، بىر پاچىقى قىسقا ياكى ئۇزۇن بولغان كالا ياكى قوينى سۇنساڭلار بولىدۇ. لېكىن ئىچكەن قەسىمىڭلارغا ئەمەل قىلىش ئۈچۈن، بۇنداق بېجىرىم بولمىغان ھايۋانلارنى سۇنماڭلار. بۇنى مەن پەرۋەردىگار قوبۇل قىلمايمەن. ئۇرۇقدېنى زەخىملەنگەن، ئېزىلگەن، يىرتىلغان ياكى پىچىۋېتىلگەن ھايۋانلارنى ماڭا ئاتاپ قۇربانلىق قىلماڭلار. زېمىنىڭلاردا بۇنداق ئىشلارغا يول قويماڭلار. بۇنداق بېجىرىم بولمىغان ھايۋانلارنى يات خەلقلەردىن سېتىۋېلىپ، ماڭا ئاتالغان يېمەكلىك سۈپىتىدە سۇنماڭلار. چۈنكى ئۇ مېيىپ ۋە بېجىرىم بولمىغانلىقى ئۈچۈن، قوبۇل بولمايدۇ.» پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە مۇنداق دېدى: _ يېڭى تۇغۇلغان موزاي، قوزا ۋە ئوغلاقلار يەتتە كۈن ئانىسىغا ئەگىشىپ يۈرسۇن، سەككىزىنچى كۈنىدىن باشلاپ ئۇنى ماڭا تائام ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنساڭلار بولىدۇ، بۇ قوبۇل بولىدۇ. مەيلى كالا، قوي ياكى ئۆچكە بولسۇن، ئانىسى بىلەن بالىلىرىنى بىر كۈندە بوغۇزلاشقا بولمايدۇ. ماڭا مىننەتدارلىق قۇربانلىقىڭلارنى سۇنغىنىڭلاردا قۇربانلىقىڭلارنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن، مەن سىلەرگە جاكارلىغان بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىڭلار. قۇربانلىقنى شۇ كۈنى يەپ تۈگىتىڭلار، ئىككىنچى كۈنى سەھەرگە ئېشىپ قالمىسۇن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. ئەمرلىرىمگە ئەمەل قىلىڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. مۇقەددەس نامىمنى بۇلغىماڭلار. ئىسرائىللار مېنى مۇقەددەس دەپ بىلسۇن، مەن سىلەرنى پاكلىغۇچى پەرۋەردىگاردۇرمەن. مەن سىلەرنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتىم، مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن: «مەن بەلگىلىگەن ھېيت كۈنلىرىنى مۇقەددەس يىغىلىش كۈنلىرى، دەپ جاكارلاڭلار. ئالتە كۈن ئىش كۈنى، يەتتىنچى كۈنى تولۇق دەم ئېلىش كۈنىدۇر. دەم ئېلىش كۈنىدە مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار. مەيلى سىلەر قەيەردە ياشىماڭلار، مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بۇ دەم ئېلىش كۈنىدە تولۇق دەم ئېلىڭلار. مەن پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈشۈڭلار ئۈچۈن بەلگىلىگەن تۆۋەندىكى كۈنلەرنى ھېيت كۈنلىرى دەپ جاكارلاڭلار.» «1-ئاينىڭ 14-كۈنى گۇگۇم چۈشكەندىن باشلاپ ماڭا ئاتاپ، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار. مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى ماڭا ئاتالغان پېتىر نان ھېيتىدۇر. سىلەر ئۇدا يەتتە كۈن پېتىر نان يەڭلار. بىرىنچى كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار. ماڭا ئاتاپ يەتتە كۈن تائام ھەدىيەلىرىنى سۇنۇڭلار. يەتتىنچى كۈنى يەنە مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار.» پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن: «سىلەر مەن ئاتا قىلغان زېمىنغا بارغاندىن كېيىن، ھەر قېتىم زىرائىتىڭلارنى ئورىغاندا، تۇنجى باغلىمىنى روھانىيغا بېرىڭلار. دەم ئېلىش كۈنىنىڭ ئەتىسى روھانىي بىر باغلام زىرائەتنى ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرسۇن. شۇندىلا سىلەر قوبۇل قىلىنىسىلەر. روھانىي ئاشۇ بىر باغلام زىرائەتنى ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرگەن شۇ كۈنى، سىلەر بىر ياشلىق بېجىرىم پاقلاندىن بىرنى ماڭا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىڭلار. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سۈپەتلىك ئۇندىن ئىككى كىلو ئېلىپ، ئۇنىڭغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇپ، ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇڭلار. بۇلار مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ. بىر لىتىر شارابنىمۇ ئىچىملىك ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇڭلار. ماڭا ھەدىيە سۇنۇلمىغۇچە، يېڭى ئېلىنغان ھوسۇلۇڭلاردىن مەيلى نان، مەيلى قوماچ ياكى دان بولسۇن يېمەڭلار. سىلەر نەدە ياشىماڭلار، بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەل قىلىڭلار.» «دەم ئېلىش كۈنىنىڭ ئەتىسىدىن، يەنى سىلەر مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئاشۇ بىر باغلام زىرائەتنى ئېگىز كۆتۈرگەن كۈندىن باشلاپ، تولۇق يەتتە ھەپتە ھېسابلاڭلار. ئەللىكىنچى كۈنى، يەنى يەتتىنچى قېتىملىق دەم ئېلىش كۈنىنىڭ ئەتىسى ماڭا تۇنجى پىشقان بۇغدىيىڭلاردىن ھەدىيە سۇنۇڭلار. مەيلى نەدە ياشىماڭلار، ھەربىر ئائىلە بويىچە ئىككى كىلو سۈپەتلىك ئۇنغا خېمىرتۇرۇچ قوشۇپ ئىككى دانە نان يېقىپ، ئۇنى زىرائىتىڭلاردىن ئېلىنغان تۇنجى ھوسۇل سۈپىتىدە ماڭا ئېگىز كۆتۈرۈپ ھەدىيە قىلىش ئۈچۈن ئەكېلىڭلار. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىلەر بىرلىكتە يەتتە تۇياق بىر ياشلىق بېجىرىم ئەركەك پاقلان، بىر تۇياق بۇقا، ئىككى تۇياق قوچقارنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە ھەدىيە قىلىڭلار. بۇلارنى ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسى بىلەن بىرلىكتە ماڭا ئاتاڭلار. بۇلار مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ. ئاندىن بىر تۇياق تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى، ئىككى تۇياق بىر ياشلىق قوينى ئامانلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنۇڭلار. روھانىي تۇنجى ھوسۇل ھەدىيەسىگە تەۋە نانلارنى ئىككى تۇياق قوي بىلەن بىرلىكتە ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرسۇن. ماڭا ئاتالغان بۇ مۇقەددەس نەرسىلەر روھانىيغا تەۋەدۇر. بۇ كۈنى سىلەر ئىش قىلماي، مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار. مەيلى سىلەر نەدە ياشىماڭلار بۇ سىلەرنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەل قىلىدىغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمەڭلاردۇر. ئورما ئورغان ۋاقتىڭلاردا ئېتىزنىڭ قىرىدىكى زىرائەتلەرنى ئورماڭلار ھەم ئېتىزدا قالغان باشاقلارنى تېرىۋالماڭلار. ئۇنى كەمبەغەللەرگە ۋە ئاراڭلاردا مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان يات خەلقلەرگە قالدۇرۇڭلار. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.» پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن: «سىلەر 7-ئاينىڭ 1-كۈنى تولۇق دەم ئېلىڭلار. بۇرغا چېلىپ، پەرۋەردىگارنى ئەسلەپ، مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار. بۇ كۈنى ئىش قىلماڭلار. ماڭا تائام ھەدىيەسى سۇنۇڭلار.» پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ 7-ئاينىڭ 10-كۈنى گۇناھتىن ساقىت قىلىنىش كۈنىدۇر. سىلەر بۇ كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، نەپسىڭلارنى يىغىڭلار، ماڭا تائام ھەدىيەسى سۇنۇڭلار. بۇ كۈن سىلەرنىڭ مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا گۇناھىڭلاردىن ساقىت قىلىنىش كۈنۈڭلاردۇر. بۇ كۈنى ئىشلىمەڭلار. بۇ كۈنى نەپسىنى يىغمىغانلار خەلق قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. بۇ كۈنى ئىشلىگەنلەر مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەن ئۇلارنى خەلقىمنىڭ ئارىسىدىن يوقىتىمەن. سىلەر بۇ كۈنى ھەرقانداق ئىش قىلماڭلار. نەدە ياشىماڭلار، بۇ سىلەرنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەل قىلىدىغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمەڭلاردۇر. بۇ كۈنى سىلەر نەپسىڭلارنى يىغىپ، تولۇق دەم ئېلىڭلار ۋە 7-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچ ۋاقتىدىن باشلاپ، ئەتىسى كەچ كىرگۈچە دەم ئېلىش كۈنىگە ئەمەل قىلىڭلار. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن: «7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ ئۇدا يەتتە كۈن مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كەپە تىكىش ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار. بىرىنچى كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار. بۇ يەتتە كۈن ئىچىدە ھەر كۈنى ماڭا تائام ھەدىيەسى سۇنۇڭلار. سەككىزىنچى كۈنى يەنە مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار ۋە ماڭا تائام ھەدىيەسى سۇنۇڭلار. بۇ تەنتەنىلىك يىغىلىش كۈنىدۇر، ئىش قىلماڭلار. يۇقىرىقىلار مەن پەرۋەردىگار بەلگىلىگەن ھېيتلاردۇر. سىلەر بۇ ھېيت كۈنلىرىنى مۇقەددەس يىغىلىش كۈنى دەپ جاكارلاپ، بەلگىلەنگەن كۈنلەردە ماڭا ئاتالغان تائام ھەدىيەلىرىنى، يەنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ھەدىيەسى، ئىچىملىك ھەدىيەسى ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى سۇنۇڭلار. دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن سىرت يەنە يۇقىرىدا ئېيتىلغان ھېيتلارنىمۇ ئۆتكۈزۈڭلار. يۇقىرىدىكى مەنكى پەرۋەردىگارغا ئاتايدىغان ھەدىيەلەرنى قەسىمىڭلار بويىچە ۋە خالىس ھالدا سۇنىدىغان ھەدىيەلەر ھەمدە دائىملىق ھەدىيەلەردىن سىرت سۇنۇڭلار. سىلەر زېمىنىڭلاردىكى ھوسۇلۇڭلارنى ۋە مېۋىلىرىڭلارنى يىغىپ بولغاندىن كېيىن، 7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ، ئۇدا يەتتە كۈن ماڭا ئاتاپ ھېيت ئۆتكۈزۈڭلار. بىرىنچى كۈنى ۋە سەككىزىنچى كۈنى تولۇق دەم ئېلىڭلار. بىرىنچى كۈنى ئەڭ ياخشى مېۋىلەردىن ئۈزۈۋېلىڭلار. خورما دەرىخىنىڭ شاخلىرىدىن، يوپۇرماقلىرى قويۇق بولغان دەرەخ شاخلىرىدىن ۋە دەريا بويىدىكى سۆگەت تاللىرىدىن ئېلىپ، كەپە تىكىڭلار ۋە مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا يەتتە كۈن شاد-خۇراملىق بىلەن ھېيت ئۆتكۈزۈڭلار. ھەر يىلى 7-ئاينىڭ مۇشۇ يەتتە كۈنىدە ماڭا ئاتاپ ھېيت ئۆتكۈزۈڭلار. بۇ سىلەرنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەل قىلىدىغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمەڭلاردۇر. سىلەر يەتتە كۈن كەپىدە تۇرۇڭلار. پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى شۇنداق قىلسۇن. سىلەر شۇنداق قىلساڭلار، مەن ئىسرائىللارنى باشلاپ، مىسىردىن ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، ئۇلارنى كەپىدە تۇرغۇزغانلىقىمنى كېيىنكى ئەۋلادلارمۇ بىلەلەيدۇ. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.» شۇنداق قىلىپ، مۇسا پەرۋەردىگار بەلگىلىگەن بۇ ھېيتلارنى ئىسرائىللارغا يەتكۈزدى. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سەن ئىسرائىللارغا بۇيرۇغىن، ئۇلار ساڭا ساپ زەيتۇن يېغى ئەكېلىپ بەرسۇن. سەن ئۇنى چىراغلارغا ئىشلەتكىن، چىراغلار تۈن بويى يېنىپ تۇرسۇن. ھارۇن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەھدە ساندۇقى قويۇلغان ئەڭ مۇقەددەس جايغا تارتىلغان پەردىنىڭ ئالدىدىكى چىراغلارغا مەسئۇل بولسۇن. بۇ چىراغلار شام ۋاقتىدىن ئەتىسى سەھەرگىچە مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا يېنىپ تۇرسۇن. بۇ ئۇلارنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەل قىلىدىغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىسىدۇر. مېنىڭ ھۇزۇرۇمدىكى ساپ ئالتۇندىن ياسالغان چىراغداندىكى چىراغلاردىن ھەر دائىم ياخشى خەۋەر ئالسۇن. _ سۈپەتلىك ئۇندا ئون ئىككى دانە نان تەييارلاتقىن، ھەربىر نانغا ئىككى كىلو ئۇن ئىشلەتسۇن. نانلارنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدىكى ساپ ئالتۇن شىرەگە ئىككى دەستە قىلىپ تىزغىن. ھەربىر دەستىدە ئالتە دانە نان بولسۇن. ھەربىر دەستە نان ئۈستىگە بىرئازدىن ساپ مەستىكى رۇمى قويغىن. بۇ مەستىكى رۇمىلار مەن پەرۋەردىگارغا تائام ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇلىدىغان نانلارنىڭ نىشانىسى بولىدۇ. ھارۇن ئىسرائىللارغا ۋاكالىتەن ھەربىر دەم ئېلىش كۈنى نانلارنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا كەلتۈرسۇن. بۇ مەڭگۈلۈك مەسئۇلىيەتتۇر. بۇ نانلار ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋەدۇر. ئۇلار بۇ نانلارنى مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يېسۇن. چۈنكى ماڭا سۇنۇلىدىغان تائام ھەدىيەلىرىنىڭ ئىچىدە بۇ نانلار ئەڭ مۇقەددەس بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈلۈشىدۇر. بىرسى بار ئىدى، ئۇنىڭ ئانىسى ئىسرائىللاردىن، ئاتىسى مىسىر خەلقىدىن ئىدى. ئۇ بىر كۈنى قارارگاھتا بىر ئىسرائىل بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ، ئاغزىنى بۇزۇپ پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى ھاقارەتلىدى. ئىسرائىللار ئۇنى مۇسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى شىلومىت بولۇپ، دان قەبىلىسىدىن بولغان دىبرىنىڭ قىزى ئىدى. ئۇلار ئۇنى تاكى پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلگۈچە قاماپ قويدى. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ مېنى ھاقارەت قىلغۇچى قارارگاھ سىرتىغا ئېلىپ چىقىلسۇن، ھاقارەتنى ئاڭلىغان بارلىق كىشىلەر قولىنى ئۇنىڭ بېشىغا قويسۇن. ئاندىن كېيىن جامائەت ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسۇن. سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، كىمكى مەن خۇدانى ھاقارەتلىسە، شۇ ئۆز گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ. مەنكى پەرۋەردىگارنى ھاقارەتلىگۈچى ئۆلتۈرۈلسۇن، جامائەت ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسۇن. مەيلى ئىسرائىللار، مەيلى يات خەلقلەر بولسۇن، مېنى ھاقارەتلىگەن بولسىلا، ئۆلتۈرۈلسۇن. قاتىللار چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن. باشقىلارنىڭ ھايۋانلىرىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغانلار ھايۋاننىڭ ئورنىغا ھايۋان تۆلەپ بەرسۇن. جانغا جان قايتۇرسۇن. كىمكى بىرىنى زەخىملەندۈرسە، ئۇمۇ شۇنداق زەخىملەندۈرۈلسۇن. يارىلاندۇرسا يارىلاندۇرۇلسۇن، كۆزگە كۆز، چىشقا چىش ئېلىنسۇن. قانداق زەخىملەندۈرگەن بولسا، شۇنداق زەخىملەندۈرۈلسۇن. باشقىلارنىڭ ھايۋانلىرىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغانلار ھايۋان تۆلەپ بەرسۇن، لېكىن ئادەم ئۆلتۈرگۈچىلەر جانغا جان قايتۇرسۇن. مەيلى يات خەلقلەر بولسۇن، ياكى ئىسرائىللار بولسۇن، بۇ قانۇن ھەممىسىگە ئوخشاشتۇر. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. مۇسا بۇ ۋەھىينى ئىسرائىللارغا يەتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغىنى بويىچە، پەرۋەردىگارنى ھاقارەتلىگۈچىنى قارارگاھ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈشتى. پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا مۇساغا مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىللارغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «سىلەر مەن ئاتا قىلغان زېمىنغا بارغىنىڭلاردا، ئېتىزلارنى ھەر يەتتە يىلدا بىر قېتىم ماڭا ئاتاپ دەم ئالدۇرۇڭلار. ئالتە يىل يېرىڭلارنى تېرىڭلار، ئۈزۈمزارلىقىڭلارنى پۇتاپ تۇرۇڭلار، ھوسۇل ئېلىڭلار. لېكىن يەتتىنچى يىلى يېرىڭلارنى ماڭا ئاتاپ تولۇق دەم ئالدۇرۇڭلار. بۇ يىلى يەر تېرىماڭلار، ئۈزۈمزارلىقىڭلارنى پۇتىماڭلار. بۇ يىل يەر تولۇق دەم ئالدۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن، ئېتىزلاردا ئۆزى ئۆسۈپ قالغان زىرائەتلەرنى، پەرۋىش قىلىنمىغان تاللاردىكى ئۈزۈملەرنى ھوسۇل سۈپىتىدە يىغماڭلار. لېكىن سىلەر بۇ زىرائەت، ئۈزۈملەرنى ئېتىزدا يېسەڭلار بولىدۇ، شۇنداقلا قۇلۇڭلار، دېدەكلىرىڭلار، سىلەر بىلەن بىرگە تۇرۇۋاتقان مەدىكارلىرىڭلار ۋە يات خەلقلەر يېسىمۇ بولىدۇ. ئېتىزىڭلاردا ئۆزى ئۆسۈپ قالغان بۇ زىرائەتلەرنى چارۋا مېلىڭلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارمۇ يېسە بولىدۇ.» «سىلەر يەتتە قېتىملىق دەم ئالدۇرۇش يىلىنى ھېسابلاڭلار، بۇ 49 يىل بولىدۇ. 50-يىلىنىڭ 7-ئېيىنىڭ 10-كۈنى، يەنى گۇناھتىن ساقىت قىلىنىش كۈنىدە پۈتۈن زېمىندا بۇرغا چالدۇرۇڭلار. سىلەر 50-يىلىنى مۇقەددەس يىل بىلىپ، بۇ يىلنى زېمىنىڭلاردىكى پۈتۈن خەلققە ھۆرلۈك يىلى دەپ جاكارلاڭلار. بۇ يىل سىلەرگە قۇت يىلى بولسۇن. سېتىلىپ كەتكەن پۈتۈن زېمىن ۋە ئۆيلەر بۇ يىلدا ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلسۇن. بۇرۇن قۇل قىلىپ سېتىلغانلار ھۆر قىلىنىپ، ئۆز ئائىلىسىگە قايتۇرۇلسۇن. 50-يىلى سىلەرنىڭ قۇت يىلىڭلاردۇر. بۇ يىلى يەر تېرىماڭلار، ئېتىزلاردا ئۆزى ئۆسۈپ قالغان زىرائەتلەرنى، پەرۋىش قىلىنمىغان تاللاردىكى ئۈزۈملەرنى ھوسۇل سۈپىتىدە يىغماڭلار. چۈنكى بۇ يىل قۇت يىلىدۇر، سىلەرنىڭ مۇقەددەس يىلىڭلاردۇر. لېكىن سىلەر يېرىڭلاردا ئۆسۈپ قالغان زىرائەتلەرنى يېسەڭلار بولىدۇ. قۇت يىلىدا ھەركىم ئۆزىنىڭ يېرىگە قايتىپ، ئۇنىڭغا ئىگىدارچىلىق قىلسۇن. سىلەر قېرىنداشلىرىڭلار بولغان ئىسرائىللار بىلەن يەر-زېمىن سودىسى قىلغان ۋاقتىڭلاردا، ئۆز مەنپەئىتىڭلارغا چوغ تارتماڭلار. يەرنىڭ باھاسى سودا بولغان ۋاقىتتىن باشلاپ قۇت يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يىل سانى بويىچە بەلگىلەنسۇن. قۇت يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يىلنىڭ سانى كۆپ بولسا باھاسى يۇقىرى، ئاز بولسا، باھاسى تۆۋەن بولسۇن. چۈنكى باھالىنىدىغىنى ئېتىزدىن ئېلىنغان ھوسۇلنىڭ قېتىم سانىدۇر. مەن پەرۋەردىگارىڭلاردىن ئەيمىنىڭلار، ئۆز مەنپەئىتىڭلارغا چوغ تارتماڭلار. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلىپ، ئەمر-پەرمانلىرىمنى ئىجرا قىلساڭلار، ئۇ زېمىندا خاتىرجەم ياشايسىلەر. يېرىڭلار ھوسۇل بېرىدۇ، سىلەر قانائەتلەنگۈدەك يېمەكلىككە ئىگە بولىسىلەر ۋە خاتىرجەملىككە ئېرىشىسىلەر. بەلكىم سىلەر: ‹يەتتىنچى يىلى ھېچنېمە تېرىمىساق، ھوسۇل ئالمىساق، نېمە يەيمىز؟› دەپ سورىشىڭلار مۇمكىن. مەن سىلەرنىڭ ئالتىنچى يىلى ئالغان ھوسۇلۇڭلارغا بەرىكەت بېرىمەن، ئۇ ئۈچ يىل يېيىشىڭلارغا يېتىدۇ. سەككىزىنچى يىلى ئۇرۇق تېرىغان ۋاقتىڭلاردىمۇ يەنىلا ئاشۇ ئالتىنچى يىلىدىن ئېشىپ قالغان ئاشلىقىڭلارنى يەيسىلەر. توققۇزىنچى يىلى يەردىن ھوسۇل ئالغۇچە سىلەردە يەنىلا ئېشىنچا ئاشلىق بولىدۇ.» «يەر-زېمىنىڭلارنى مەڭگۈلۈككە ساتماڭلار، چۈنكى يەر مېنىڭدۇر. سىلەر پەقەت بىر يولۇچى، مېھمانلىرىمدۇرسىلەر. ئۆزىنىڭ يەرلىرىنى ساتقان ئادەمگە يەرلىرىنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بېرىڭلار. ئەگەر قېرىنداشلىرىڭلار بولغان ئىسرائىللاردىن بىرەرسى نامراتلىشىپ، يېرىنىڭ بىر قىسمىنى باشقا بىرىگە ساتقان بولسا، ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرى ئۇ سېتىۋەتكەن يەرنى سېتىۋالسۇن. ئەگەر يەرنى سېتىۋالغۇدەك يېقىن تۇغقىنى بولمىسا، ئۆزى پۇل تېپىپ، سېتىۋالغۇدەك ھالغا كەلگەندە، ئۆزى سېتىۋالسۇن. يەرنىڭ باھاسى سېتىلغان يىل سانى بويىچە ھېسابلىنىپ، ھەق تۆلىسۇن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ يېرى ئۆزىگە تەۋە بولىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ سېتىۋېلىشقا ئىقتىسادى يەتمىسە، سېتىۋېتىلگەن يەر تاكى قۇت يىلى كەلگۈچە يەنىلا ئالغۇچىنىڭ قولىدا قالىدۇ. قۇت يىلى كەلگەندە، يەر ئىگىسىگە قايتىدۇ، يەر ئىگىسىمۇ ئۆزىنىڭ يېرىگە قايتسا بولىدۇ. ئەگەر بىرسى سېپىللىق شەھەردىكى ئۆيىنى ساتقان بولسا، بىر يىلنىڭ ئىچىدە ئۆيىنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش ھوقۇقىغا ئىگىدۇر. بىر يىل قايتا سېتىۋېلىش ۋاقىت چېكىدۇر. ئەگەر ئۇ بىر يىل ئىچىدە ئۆيىنى قايتۇرۇپ سېتىۋالالمىسا، بۇ ئۆي ئالغۇچىغا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا مەڭگۈلۈك تەۋە بولىدۇ، قۇت يىلىدىمۇ قايتۇرۇلمايدۇ. لېكىن ئەتراپى سېپىلسىز بولغان يېزىدىكى ئۆي بولسا، يېزا يېرى ھېسابلىنىپ، قايتۇرۇپ سېتىۋالغىلى بولىدۇ ھەم قۇت يىلىدا ئىگىسىگە قايتىدۇ. لاۋىيلار ياشايدىغان شەھەرلەردە لاۋىيلار ئۆزلىرى سېتىۋەتكەن ئۆيلىرىنى خالىغان ۋاقىتتا قايتۇرۇپ سېتىۋالالايدۇ. لاۋىيلار ياشايدىغان شەھەرلەردە ئەگەر ئۇلار ئۆيلىرىنى ساتقاندىن كېيىن قايتۇرۇپ سېتىۋالمىسا، ئۆينى ئالغۇچى قۇت يىلىدا قايتۇرۇپ بەرسۇن. چۈنكى لاۋىيلارنىڭ بۇ شەھەرلەردىكى ئۆيلىرى ئۇلارنىڭ ئىسرائىللار زېمىنىدىكى مۈلكىدۇر. لېكىن لاۋىيلار ياشايدىغان شەھەرلەرنىڭ سىرتىدىكى ئوتلاقلارنى ھەرقانداق ئادەمنىڭ سېتىشىغا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئوتلاقلار لاۋىيلارنىڭ مەڭگۈلۈك ئورتاق مۈلكىدۇر.» «ئىسرائىللاردىن بولغان قېرىندىشىڭلار نامراتلىشىپ، قولى قىسقا بولۇپ قالسا، ئاراڭلاردىكى يات خەلقتىن بولغان مۇساپىرلارغا ياردەم بەرگەندەك، ئۇلارغىمۇ ياردەم بېرىڭلار، ئۇلارمۇ ئاراڭلاردا ياشاپ قالسۇن. ئۇلاردىن جازانە ئالماڭلار. مەن خۇدايىڭلاردىن ئەيمىنىڭلار، ئىسرائىل قېرىندىشىڭلار ئاراڭلاردا ياشاپ قالسۇن. ئۆسۈمنى ئويلاپ، پۇل ياكى ئاشلىق قەرز بەرمەڭلار. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. سىلەرگە كەنئان زېمىنىنى ئاتا قىلىش ۋە سىلەرنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتىم.» «ئەگەر ئىسرائىللاردىن بولغان قېرىندىشىڭلار نامراتلىشىپ، ئۆزلىرىنى سىلەرگە ساتقان بولسا، ئۇلارنى قۇل ئورنىدا ئىشلەتمەڭلار. ئۇلار يىللىقچى بولۇپ قۇت يىلىغىچە ئىشلەپ تۇرسۇن. قۇت يىلى كەلگەندە، ئۇلار بالا-چاقىلىرى بىلەن بىرلىكتە سىلەردىن ئايرىلىپ، ئۆز جەمەتىگە ۋە ئەجدادلىرىدىن مىراس قالغان يېرىگە قايتسا بولىدۇ. چۈنكى ئىسرائىللار مېنىڭ خىزمەتكارلىرىمدۇر، مەن ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتىم. ئۇلار قۇل ئورنىدا سېتىلمىسۇن. ئۇلارغا زۇلۇم قىلماڭلار، مەن خۇدايىڭلاردىن ئەيمىنىڭلار. سىلەرگە قۇل ۋە دېدەكلەر كېرەك بولسا، ئەتراپتىكى ئەللەردىن سېتىۋېلىڭلار. سىلەر بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان يات خەلقلەردىن ۋە ئۇلارنىڭ زېمىنىڭلاردا تۇغۇلغانلىرىدىن سېتىۋېلىپ، ئۆزۈڭلارنىڭ مۈلكى قىلساڭلار بولىدۇ. ئۇلارنى ئەۋلادلىرىڭلارغا مىراس قالدۇرىدىغان مۈلكۈڭلار سۈپىتىدە مەڭگۈلۈك قۇل قىلساڭلارمۇ بولىدۇ. لېكىن قېرىندىشىڭلار بولغان ئىسرائىللارغا رەھىمسىزلىك قىلماڭلار. سىلەر بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان يات خەلقتىن بولغان قوشناڭلارنىڭ قول ئىلكىدە بولۇپ، ئىسرائىللاردىن بولغان قېرىندىشىڭلار نامراتلىقتىن ئۆزلىرىنى ئۇلارغا ياكى ئۇلارنىڭ جەمەتىدىكىلەردىن بىرەرسىگە ساتقان بولسا، ئۇلارنىڭ كېيىن ھۆر بولۇش ھوقۇقى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭمۇ ئۇلارنى سېتىۋېلىپ، ھۆرلۈككە چىقىرىش ھوقۇقى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىنىڭ ئاكا-ئىنىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنىڭمۇ ئۇلارنى سېتىۋېلىپ، ھۆرلۈككە چىقىرىش ھوقۇقى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ جەمەتىدىكى باشقا قانداشلىرىنىڭمۇ ئۇلارنى سېتىۋېلىپ، ھۆرلۈككە چىقىرىش ھوقۇقى بولىدۇ. ئۇلار پۇل تاپقاندا، ئۆزلىرىنىڭ ھۆرلۈكىنى سېتىۋالسىمۇ بولىدۇ. ئۇلار خوجايىنى بىلەن ھېسابلاشقاندا، ئۆزلىرى سېتىلغان يىلدىن تاكى قۇت يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يىللارنى ھېسابلىسۇن، باھا شۇ يىللاردىكى مەدىكارلارنىڭ ئىش ھەققى بويىچە بېكىتىلسۇن. ئەگەر قۇت يىلىغا قالغان يىللار كۆپ بولسا، ھۆرلۈككە ئېرىشىش باھاسى يۇقىرىراق بولىدۇ. ئەگەر قۇت يىلىغا قالغان يىللار ئاز بولسا، ھۆرلۈككە ئېرىشىش باھاسى قالغان يىللارنىڭ سانى بويىچە ھېسابلىنىپ تۆۋەنرەك بولىدۇ. سېتىۋالغۇچىلار ئۇلارغا يىللىقچى ھېسابىدا مۇئامىلە قىلسۇن. سىلەر سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئۇلارغا زۇلۇم قىلىشىغا يول قويماڭلار. قۇت يىلى كەلگۈچە، ئەگەر ئۇلار يۇقىرىقى ئۇسۇللار بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھۆرلۈكىنى سېتىۋالالمىسا، قۇت يىلى كەلگەندە، ئۇلار بالا-چاقىلىرى بىلەن بىرلىكتە ھۆرلۈككە ئېرىشسۇن. چۈنكى ئىسرائىللار مېنىڭ خىزمەتكارلىرىمدۇر، مېنىڭ مىسىردىن ئېلىپ چىققان خىزمەتكارلىرىمدۇر. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.» «ئۆزۈڭلارغا مەبۇد، بۇت ياكى بۇتسىمان تاش تۈۋرۈك تىكلىمەڭلار. زېمىنىڭلاردا تاشقا شەكىل ئويۇپ، ئۇنىڭغا چوقۇنماڭلار. چۈنكى مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. دەم ئېلىش كۈنۈمگە ئەمەل قىلىڭلار ۋە ئىبادەت جايىمغا ھۆرمەت قىلىڭلار، مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. ئەگەر مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلىپ، ئەمرلىرىمگە رىئايە قىلساڭلار، سىلەرگە ئۆز ۋاقتىدا يامغۇر ياغدۇرىمەن. يېرىڭلار ھوسۇل، مېۋىلىك دەرەخلىرىڭلار مېۋە بېرىدۇ. خامان تېپىش مەزگىلى ئۈزۈم يىغىش مەزگىلىگىچە، ئۈزۈم يىغىش مەزگىلى ئۇرۇق چېچىش مەزگىلىگىچە داۋاملىشىدۇ. يېمەك-ئىچمىكىڭلار مول بولىدۇ، زېمىنىڭلاردا خاتىرجەم ياشايسىلەر. مەن زېمىنىڭلاردا تىنچلىق بەرپا قىلىمەن، خاتىرجەم ئۇخلايسىلەر، ھېچكىم سىلەرنى قورقۇتمايدۇ. مەن زېمىنىڭلاردىكى رەزىل ھايۋانلارنى يوق قىلىمەن. زېمىنىڭلاردا ئۇرۇش بولمايدۇ. سىلەر دۈشمىنىڭلارنى قوغلاپ يېتىشەلەيسىلەر، ئۇلار قىلىچىڭلاردا ھالاك بولىدۇ. بەشىڭلار يۈز ئادەمنى، يۈزۈڭلار تۈمەن ئادەمنى قوغلايسىلەر، دۈشمىنىڭلار قىلىچىڭلاردا ھالاك بولىدۇ. مەن سىلەرنىڭ ھالىڭلاردىن خەۋەر ئالىمەن، نەسلىڭلارنى بەرىكەتلىك قىلىپ، ئۇرۇق-ئەۋلادلىرىڭلارنى ئاۋۇتىمەن ھەم سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدەمدە چىڭ تۇرىمەن. سىلەر ساقلىغان كونا ئاشلىقىڭلارنى يەپ بولالماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنى يېڭى ئاشلىق بىلەن تولدۇرىسىلەر. ئاراڭلاردا ماكان تۇتىمەن. مەن سىلەردىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن. مەن ئاراڭلاردا بولۇپ، سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن، سىلەر مېنىڭ خەلقىم بولىسىلەر. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. مەن سىلەرنى داۋاملىق مىسىرلىقلارنىڭ قۇلى بولمىسۇن دەپ، ئۇ يەردىن ئېلىپ چىقتىم. بوينۇڭلارنى بېسىپ تۇرغان ئېغىر بويۇنتۇرۇقنى پاچاقلاپ تاشلىدىم، سىلەر ئەمدى قەددىڭلارنى رۇسلايسىلەر.» «ئەگەر سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىساڭلار، ئەمرلىرىمگە، بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلمىساڭلار، قائىدە-تۈزۈملىرىمدىن نەپرەتلەنسەڭلار، پەرمانلىرىمغا پەرۋا قىلماي، مېنىڭ سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى بۇزساڭلار، مەن سىلەرنى شۇنداق جازالايمەنكى، سىلەرنى ۋەھىمىگە سېلىپ، ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار قىلىپ، قىزىتماڭلارنى ئۆرلىتىمەن. كۆزلىرىڭلارنى تورلاشتۇرۇپ، تېنىڭلارنى زەئىپلەشتۈرىمەن. چاچقان ئۇرۇقۇڭلار بىكارغا كېتىدۇ، ھوسۇلۇڭلارنى دۈشمىنىڭلار يەيدۇ. مەن سىلەرگە قارشى تۇرىمەن. سىلەر دۈشمىنىڭلارنىڭ قولىدا مەغلۇپ بولىسىلەر. سىلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىدىغانلار سىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ھېچكىم سىلەرنى قوغلىمىسىمۇ، قورقۇپ جېنىڭلارنى ئېلىپ قاچىسىلەر. ئەگەر سىلەر مۇشۇنداق جازالارغا ئۇچراپ تۇرۇپمۇ، يەنىلا سۆزۈمگە قۇلاق سالمىساڭلار، سىلەرنى ھەسسىلەپ قاتتىق جازالايمەن. ھەيۋەڭلار بىلەن تەكەببۇرلۇقۇڭلارنى سۇندۇرىمەن، ئاسماننى تۆمۈر، يەرنى تۇچتەك قاتتىق قىلىمەن. مېھنىتىڭلار ئۈنۈمسىز بولىدۇ، چۈنكى يېرىڭلاردىن ھېچنېمە ئۆسمەيدۇ، مېۋىلىك دەرىخىڭلار مېۋە بەرمەيدۇ. سىلەر يەنىلا مەن بىلەن قارشىلىشىپ، سۆزۈمگە قۇلاق سالمىساڭلار، گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن سىلەرگە ھەسسىلەپ قاتتىق زەربە بېرىمەن. ئاراڭلارغا يىرتقۇچ ھايۋانلارنى قويۇۋېتىمەن. ئۇلار پەرزەنتىڭلارنى ھالاك قىلىدۇ، چارۋا مېلىڭلارنى قىرغىن قىلىدۇ. سانىڭلار ئازلاپ، كوچىلار چۆلدەرەپ قالىدۇ. ئەگەر سىلەر يەنىلا ئىبرەت ئالماي، ماڭا قارشى تۇرساڭلار، مەنمۇ سىلەرگە قارشى تۇرىمەن، گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن ھەسسىلەپ قاتتىق زەربە بېرىمەن. سىلەر ئەھدىنى بۇزغىنىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئۇرۇش بىلەن قىساس ئالىمەن. شەھەرلىرىڭلارغا قېچىپ كىرىپ پاناھلانساڭلارمۇ، ئاراڭلارغا ۋابا ئەۋەتىمەن. سىلەر دۈشمەن قولىغا چۈشىسىلەر. سىلەرنى ئاش-نانغا زار قىلىمەن، ئۇ چاغدا ئون ئايالنىڭ يۇغۇرغان خېمىرى پەقەت بىر تونۇر نان بولىدۇ. ئاياللار ناننى ئۆلچەپ بېرىشىدۇ، يەيسىلەر، لېكىن تويمايسىلەر. ئەگەر سىلەر يەنىلا مېنىڭ سۆزۈمگە قۇلاق سالماي، ماڭا قارشى تۇرساڭلار، مەنمۇ سىلەرگە قارشى تۇرۇپ، غەزىپىمنى ياغدۇرىمەن. سىلەرنى گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن ھەسسىلەپ جازالايمەن. سىلەر ئوغۇل-قىزلىرىڭلارنىڭ گۆشىنى يەيسىلەر. مەن سىلەرنىڭ غەيرىي سەجدىگاھلىرىڭلارنى، ئىسرىقدانلىرىڭلارنى ۋەيران قىلىپ، جەسىتىڭلارنى جانسىز بۇتلارنىڭ ئۈستىگە دۆۋىلەپ قويىمەن. مەن سىلەردىن سەسكىنىمەن. شەھەرلىرىڭلارنى خارابىلىككە، ئىبادەتگاھىڭلارنى چۆللۈككە ئايلاندۇرىمەن. سىلەرنىڭ خۇش پۇراقلىق ھەدىيەڭلارنى قوبۇل قىلمايمەن. مەن سىلەرنىڭ زېمىنىڭلارنى شۇنداق قاقاسلىققا ئايلاندۇرىمەنكى، ئۇنى ئىگىلىگەن دۈشمىنىڭلارمۇ چۆچۈپ كېتىدۇ. مەن قىلىچىمنى يالىڭاچلاپ، ئارقاڭلاردىن قوغلايمەن، سىلەرنى باشقا ئەللەرگە چېچىۋېتىمەن. زېمىنىڭلار چۆللۈككە، شەھەرلىرىڭلار خارابىلىككە ئايلىنىدۇ. سىلەر ئەسىر ئېلىنىپ دۈشمىنىڭلارنىڭ ئەللىرىگە ئەكېتىلگەن ۋاقتىڭلاردا، يېرىڭلار دەم ئالىدۇ ۋە ئاخىرى چۆللىشىپ، دەم ئېلىشقا ئېرىشىدۇ. يېرىڭلار قانچە ئۇزۇن چۆللۈكتە تۇرسا، شۇنچە ئۇزۇن دەم ئالىدۇ، چۈنكى سىلەر يۇرتۇڭلاردا ياشىغان ۋاقىتلاردا، يېرىڭلارنى دەم ئېلىش يىللىرى دەم ئالدۇرمىغانىدىڭلار. ئاراڭلاردىن ھايات قالغىنىڭلارنى دۈشمەن ئەللەردە ۋەھىمىگە سالىمەن، سىلەر غازاڭلارنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازىدىنمۇ دەھشەتكە چۈشىسىلەر. خۇددى قىلىچلىق ئادەمدىن قېچىپ قۇتۇلماقچى بولغاندەك قاچىسىلەر. ھېچكىم قوغلىمىسىمۇ، يىقىلىپ چۈشىسىلەر. گەرچە سىلەرنى ھېچكىم قوغلىمىسىمۇ، خۇددى قىلىچلىق ئادەمدىن قاچقاندەك قېچىشىپ، بىر-بىرىڭلارغا پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشىسىلەر. دۈشمىنىڭلارنىڭ ئالدىدا پۇت تىرەپ تۇرالمايسىلەر. سىلەر يات ئەللەردە ئۆلىسىلەر، ئۆلۈكۈڭلار دۈشمىنىڭلارنىڭ زېمىنىدا قالىدۇ. ھايات قالغىنىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ زېمىنىدا ئازاب چېكىسىلەر. لېكىن سىلەر ئاخىرى ئۆزۈڭلارنىڭ ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ گۇناھلىرىنى، يەنى ماڭا قىلغان ئاسىيلىقىڭلار ۋە قارشىلىقلىرىڭلارنى ئېتىراپ قىلىسىلەر. ئەۋلادلىرىڭلار مېنىڭمۇ سىلەر بىلەن قارشىلىشىپ، سىلەرنى دۈشمىنىڭلارنىڭ يېرىگە پالىغانلىقىمنى توغرا چۈشىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى تاشلاپ، گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى تارتقاندىن كېيىن، مەن ياقۇپ بىلەن، شۇنداقلا بۇرۇن ئىبراھىم ۋە ئىسھاق بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى ھەم بۇ زېمىننى ئەسكە ئالىمەن. لېكىن بۇنىڭدىن ئاۋۋال خەلقىم زېمىنىدىن ھەيدەپ چىقىرىلىپ، زېمىنى بوش قالىدۇ ۋە دەم ئېلىشقا ئېرىشىدۇ. خەلقىم گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ، چۈنكى ئۇلار مېنىڭ ئەمرلىرىمنى تەرك ئېتىپ، بەلگىلىمىلىرىمنى ئۆچ كۆردى. ئەمما ئۇلار دۈشمەنلىرىنىڭ زېمىنىدىكى ۋاقتىدا، مەن ئۇلارنى تەرك ئەتمەيمەن ۋە ئۆچ كۆرمەيمەن ھەمدە ئۇلارنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلغۇدەك ۋە ئۇلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى بۇزغۇدەك دەرىجىدە نەپرەتلەنمەيمەن. چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى خۇدادۇرمەن. مەن ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىنى دەپ، ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى ئەسلەيمەن. ئۇلارنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن، مەن ئۇلارنى باشقا ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا مىسىردىن ئېلىپ چىقتىم. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.» يۇقىرىدىكى ئەمر-پەرمان ۋە بەلگىلىمىلەرنى پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا مۇسا ئارقىلىق ئىسرائىل خەلقىگە يەتكۈزدى. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ئاياللار ئۈچۈن 360 گىرام كۈمۈش. بەش ياشتىن يىگىرمە ياشقىچە بولغان ئوغۇللار ئۈچۈن 240 گىرام كۈمۈش، قىزلار ئۈچۈن 120 گىرام كۈمۈش. بىر ئايلىقتىن بەش ياشقىچە بولغان ئوغۇل بالىلار ئۈچۈن 60 گىرام كۈمۈش، قىز بالىلار ئۈچۈن 36 گىرام كۈمۈش. ئاتمىش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى ئەرلەر ئۈچۈن 180 گىرام كۈمۈش، ئاياللار ئۈچۈن 120 گىرام كۈمۈش. ئەگەر قەسەم قىلغۇچى نامراتلىقىدىن قەسىمىنى ئورۇنداشقا كۈچى يەتمىسە، بەلگىلەنگەن ئادەمنى روھانىينىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلسۇن. روھانىي قەسەم قىلغۇچىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا ئاساسەن باشقا باھا بېكىتسۇن. ئەگەر بىرسى قۇربانلىق قىلىشقا بولىدىغان ھايۋاندىن بىرەرسىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاشقا قەسەم قىلغان بولسا، ئاتالماقچى بولغان ھايۋان مۇقەددەس ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ھايۋاننى باشقا ھايۋانغا ئالماشتۇرۇشقا ۋە بېجىرىمىنى بېجىرىم بولمىغىنىغا، بېجىرىم بولمىغىنىنى بېجىرىمىغا ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ. ئەگەر ئالماشتۇرۇلسا، ھەر ئىككىلىسى مۇقەددەس ھېسابلىنىپ، ماڭا تەۋە بولىدۇ. ئەگەر ئاتىماقچى بولغان ھايۋان ھارام ھايۋان بولسا، ئۇنى ماڭا قۇربانلىق سۈپىتىدە ئاتاشقا بولمايدۇ. ئۇنى روھانىينىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلسۇن. روھانىي ئۇنىڭ بېجىرىم ياكى بېجىرىم ئەمەسلىكىگە قاراپ، باھاسىنى بېكىتسۇن. روھانىي قانداق بېكىتسە، شۇنداق بولسۇن. ناۋادا ئۇ ئادەم ھايۋاننى قايتۇرۇۋېلىش نىيىتىدە بولسا، روھانىي باھالىغان باھاغا يەنە ئۇنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى قوشۇپ تۆلىسۇن. ئەگەر بىرسى ئۆيىنى ماڭا ئاتىغان بولسا، روھانىي ئۆينىڭ ياخشى-يامانلىقىغا ئاساسەن باھاسىنى بېكىتسۇن، روھانىي قانداق بېكىتسە، شۇنداق بولسۇن. ئەگەر ئۇ ئۆيىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولسا، روھانىي باھالىغان باھاغا يەنە ئۇنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى قوشۇپ تۆلىسۇن، شۇندىلا ئۆي ئۇنىڭ بولىدۇ. ئەگەر بىرسى مىراس قالغان زېمىنىنىڭ بىر قىسمىنى ماڭا ئاتىسا، روھانىي يەرنىڭ باھاسىنى يەرگە تېرىلىدىغان ئارپا ئۇرۇقىنىڭ مىقدارىغا ئاساسەن بېكىتسۇن. 60 كىلو ئۇرۇق چېچىلىدىغان يەرنىڭ باھاسى 600 گىرام كۈمۈشتۇر. ئەگەر ئۇ قۇت يىلىدىن باشلاپ يېرىنى ئاتىغان بولسا، يەرنىڭ باھاسى تولۇق ھېسابلانسۇن. ئەگەر ئۇ يېرىنى قۇت يىلىدىن كېيىن ئاتىغان بولسا، روھانىي قۇت يىلىدىن تاكى ئاتىغان يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يىللارنى ھېسابلاپ، يەرنىڭ باھاسىدىن ئېلىۋەتسۇن. ناۋادا يېرىنى ئاتىغۇچى كېيىن يېرىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولسا، باھالانغان باھاغا يەنە ئۇنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى قوشۇپ تۆلىسۇن، شۇندىلا يەر ئۇنىڭ بولىدۇ. ئەگەر ئۇ يېرىنى قايتۇرۇۋېلىشنى ئويلىماي، باشقىلارغا ساتسا، ئۇ يەرنى ھەرگىز قايتۇرۇۋالالمايدۇ. قايتۇرۇۋېلىنمىغان يەر قۇت يىلى كەلگەندە، پەرۋەردىگارنىڭ مەڭگۈلۈك مۈلكى سۈپىتىدە روھانىيلارغا تەۋە بولىدۇ. ئەگەر ماڭا ئاتالغان يەر مىراس يەر بولماي، سېتىۋېلىنغان يەر بولسا، روھانىي يەر سېتىۋېلىنغان ۋاقىتتىن باشلاپ قۇت يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يىل سانىغا قاراپ، يەرنىڭ باھاسىنى بېكىتسۇن. يەر ئىگىسى بېكىتىلگەن باھا بويىچە شۇ كۈنى ھەق تۆلىسۇن. پۇل ماڭا ئاتالسۇن. قۇت يىلى كەلگەندە يەر ئەسلى ئىگىسىگە قايتۇرۇلىدۇ، يەنى مىراس ئىگىسىگە قايتىدۇ. ھەرقانداق نەرسىنىڭ باھاسىنى باھالىغاندا، مۇقەددەس جاينىڭ كۈمۈش ئۆلچەم بىرلىكى ئاساس قىلىنسۇن. _ ھايۋانلارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغىنى مەن پەرۋەردىگارغا مەنسۇپتۇر. بۇلار ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنۇلمىسۇن، چۈنكى مەيلى كالا، قوي ياكى ئۆچكىنىڭ بالىسى بولسۇن، بەرىبىر مېنىڭدۇر. ھارام ھايۋانلارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغىنىنى ئەسلىدىكى باھالىغان باھاغا، يەنە بەشتىن بىر قىسمىنى قوشۇپ، قايتۇرۇۋالسا بولىدۇ. ئەگەر قايتۇرۇپ ئالمىسا، روھانىي بەلگىلىگەن باھا بويىچە سېتىلسۇن. مەن پەرۋەردىگارغا مەڭگۈلۈك ئاتالغان ھەرقانداق نەرسە، يەنى ئادەملەرنىڭ ماڭا ئاتىغان ئادەم، ھايۋان، مىراس يەر قاتارلىق ھەرقانداق نەرسىسىنى ئىگىلىرىنىڭ سېتىشىغا ۋە قايتۇرۇپ سېتىۋېلىشىغا بولمايدۇ، ماڭا مەڭگۈلۈك ئاتالغان ھەرقانداق نەرسە ئەڭ مۇقەددەس ھېسابلىنىدۇ. ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان گۇناھكارلارنى ھەق تۆلەپ ئۆلۈمدىن خالاس قىلىشقا بولمايدۇ، ئۇلار چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن. زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەر، مەيلى يەردىن ئېلىنغان ھوسۇل بولسۇن، مەيلى دەرەخلەردىكى مېۋىلەر بولسۇن ھەممىسىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشى ماڭا تەۋەدۇر. بۇلار ماڭا مۇقەددەستۇر. ناۋادا ماڭا تەۋە ئوندىن بىر ئۈلۈشنىڭ بىر قىسمىنى قايتۇرۇپ سېتىۋالماقچى بولسا، ئۇنىڭ ئەسلىدىكى باھاسىغا يەنە بەشتىن بىر قىسمىنى قوشۇپ تۆلىسۇن. كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ يېڭى تۇغۇلغانلىرىنىڭ ئوندىن بىرى، يەنى پادىچىنىڭ سانىقىدىن ئۆتكەنلىرىنىڭ ھەربىر ئونىنچىسى ماڭا تەۋە بولۇپ، مۇقەددەس ھېسابلىنىدۇ. ياخشى-يامىنى سۈرۈشتۈرۈلمىسۇن، ئورنىغا ئالماشتۇرۇلمىسۇن. ئەگەر ئالماشتۇرۇلسا، ئەسلىدىكىسىمۇ، ئالماشتۇرۇلغىنىمۇ مۇقەددەس ھېسابلىنىدۇ، قايتۇرۇپ سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ. مانا بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سىناي تېغىدا مۇسا ئارقىلىق ئىسرائىللارغا يەتكۈزگەن ئەمر-پەرمانلىرىدۇر. ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىنكى 2-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى، پەرۋەردىگار سىناي چۆلىدىكى ئۇچرىشىش چېدىرىدا مۇساغا مۇنداق دېدى: ھەر قەبىلىدىن بىر جەمەت باشلىقى سىلەرگە ياردەمدە بولسۇن. تۆۋەندىكىلەر سىلەرگە ياردەم بېرىدىغانلارنىڭ ئىسىملىرىدۇر: رۇبېن قەبىلىسىدىن شىدېئۇرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر، شىمون قەبىلىسىدىن زۇرىشادداينىڭ ئوغلى شىلۇمىئېل، يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناخشون، ئىسساكار قەبىلىسىدىن زۇئارنىڭ ئوغلى نىتانئېل، زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن خېلوننىڭ ئوغلى ئەلىئاب، يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەفرايىم قەبىلىسىدىن ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما، يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسە قەبىلىسىدىن پىدازۇرنىڭ ئوغلى گاملىئېل، بىنيامىن قەبىلىسىدىن گىدئونىنىڭ ئوغلى ئابىدان، دان قەبىلىسىدىن ئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاخىئەزەر، ئاشېر قەبىلىسىدىن ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىئېل، گاد قەبىلىسىدىن دىئۇئېلنىڭ ئوغلى ئەلياساف، نافتالى قەبىلىسىدىن ئېناننىڭ ئوغلى ئاخىرا. بۇلار جامائەت ئارىسىدىن تاللانغانلار بولۇپ، قەبىلە باشلىقلىرى ھەم ئىسرائىل قوشۇنلىرىنىڭ سەركەردىلىرى ئىدى. مۇسا بىلەن ھارۇن تاللانغان بۇ ئەرلەرگە چاقىرىق قىلىپ، شۇ كۈنى پۈتۈن جامائەتنى بىر يەرگە يىغدى ۋە پۈتكۈل خەلقنى ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە رويخەتكە ئالدۇردى. يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكىلەرنى بىر-بىرلەپ تىزىمغا ئالدۇردى. پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، مۇسا سىناي چۆلىدە خەلقنى رويخەتكە ئالدى. يۇقىرىقىلار مۇسا، ھارۇن ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلە باشلىقلىرى ئۆز قەبىلىلىرى بويىچە رويخەتكە ئالغان ئادەملەرنىڭ سانىدۇر. يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ياراملىق ئەرلىرىنىڭ ھەممىسى جەمەتى بويىچە رويخەتكە ئالدۇرۇلغان بولۇپ، جەمئىي 603,550 ئادەم ئىدى. لاۋىي قەبىلىسىدىكىلەر باشقا قەبىلىدىكىلەر بىلەن بىرگە رويخەتكە ئېلىنمىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېگەنىدى: «لاۋىي قەبىلىسىنى باشقا ئىسرائىللار بىلەن بىرگە رويخەتكە ئالما. ئۇلارنى ئەھدە چېدىرى دەپمۇ ئاتالغان ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن جاھازلىرىنى، شۇنداقلا ئىچىدىكى نەرسىلەرنى باشقۇرۇشقا قوي. ئۇلار ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭ سايمانلىرىنى توشۇش ھەم قوغداش خىزمىتىنى قىلسۇن. ئۇلار ئۆز چېدىرلىرىنى ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئەتراپىغا تىكسۇن. ھەر قېتىم ئىبادەت چېدىرىنى يۆتكەشكە توغرا كەلگەندە، لاۋىيلار ئۇنى چۇۋۇپ، قۇرماقچى بولغان يەرگە ئاپىرىپ تىكسۇن. ئەگەر لاۋىيلاردىن باشقا بىرەرى ئىبادەت چېدىرىغا يېقىنلاشسا، ئۆلتۈرۈلسۇن. قالغان بارلىق ئىسرائىللار ئۆز قوشۇنلىرىنىڭ تۇغى ئاستىدا توپ-توپى بىلەن چېدىرلىرىنى تىكسۇن. لاۋىيلار چېدىرلىرىنى ئەھدە چېدىرىنىڭ ئەتراپىغا تىكسۇن. شۇنداق قىلغاندا ئۇلار چېدىرىدا قاراۋۇللۇق قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئەھدە چېدىرىغا يېقىن بېرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئىسرائىللارنى خۇدانىڭ غەزىپىگە قېلىشتىن ساقلاپ قالالايدۇ.» ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان بارلىق ئەمرلىرى بويىچە ئىش كۆردى. پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىللار چېدىرلىرىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئەتراپىغا مەلۇم ئارىلىق تاشلاپ، ئۆز قەبىلىسىنىڭ قوشۇنلىرىنى يېتەكلەيدىغان قەبىلىنىڭ تۇغى ۋە جەمەت بەلگىسىنىڭ ئاستىغا تىكسۇن. يەھۇدا قوشۇنلىرى تۇغىنى كۈنچىقىش تەرەپكە قاداپ، چېدىرلىرىنى قوشۇن تەرتىپى بويىچە شۇ يەرگە تىكسۇن. يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناخشوندۇر. ئۇنىڭ 74,600 ئادىمى بار. يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ بىر تەرىپىدە ئىسساكار قەبىلىسى بولۇپ، ئۇنىڭ باشلىقى زۇئارنىڭ ئوغلى نىتانئېلدۇر. ئۇنىڭ 54,400 ئادىمى بار. يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە زەبۇلۇن قەبىلىسى بولۇپ، باشلىقى خېلوننىڭ ئوغلى ئەلىئابدۇر. ئۇنىڭ 57,400 ئادىمى بار. يەھۇدا قەبىلىسى يېتەكلەيدىغان قوشۇنلارنىڭ ئومۇمىي سانى 186,400 بولۇپ، ئۇلار ئالدىنقى سەپتە ماڭسۇن. رۇبېن قوشۇنلىرى تۇغىنى جەنۇب تەرەپكە قاداپ، چېدىرلىرىنى قوشۇن تەرتىپى بويىچە تىكسۇن. رۇبېن قەبىلىسىنىڭ باشلىقى شىدېئۇرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇردۇر. ئۇنىڭ 46,500 ئادىمى بار. رۇبېن قەبىلىسىنىڭ بىر تەرىپىدە شىمون قەبىلىسى بولۇپ، ئۇنىڭ باشلىقى زۇرىشادداينىڭ ئوغلى شىلۇمىئېلدۇر. ئۇنىڭ 59,300 ئادىمى بار. رۇبېن قەبىلىسىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە گاد قەبىلىسى بولۇپ، ئۇنىڭ باشلىقى دىئۇئېلنىڭ ئوغلى ئەلياسافتۇر، ئۇنىڭ 45,650 ئادىمى بار. رۇبېن قەبىلىسى يېتەكلەيدىغان قوشۇنلارنىڭ ئومۇمىي سانى 151,450 بولۇپ، ئۇلار ئىككىنچى سەپتە ماڭسۇن. ئالدىنقى ئىككى قوشۇن بىلەن كېيىنكى ئىككى قوشۇن ئوتتۇرىسىدا لاۋىيلار ئۇچرىشىش چېدىرىنى ئېلىپ ماڭسۇن. بارلىق قەبىلە ئۆز تۇغى ئاستىدا قارارگاھ قۇرغاندەك ئۆز ئورۇنلىرىدا ماڭسۇن. ئەفرايىم قوشۇنلىرى تۇغىنى كۈنپېتىش تەرەپكە قاداپ، چېدىرلىرىنى قوشۇن تەرتىپى بويىچە تىكسۇن. ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشامادۇر. ئۇنىڭ 40,500 ئادىمى بار. ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ بىر تەرىپىدە ماناسسە قەبىلىسى بولۇپ، ئۇنىڭ باشلىقى پىدازۇرنىڭ ئوغلى گاملىئېلدۇر. ئۇنىڭ 32,200 ئادىمى بار. ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە بىنيامىن قەبىلىسى بولۇپ، ئۇنىڭ باشلىقى گىدئونىنىڭ ئوغلى ئابىداندۇر. ئۇنىڭ 35,400 ئادىمى بار. ئەفرايىم قەبىلىسى يېتەكلەيدىغان قوشۇنلارنىڭ ئومۇمىي سانى 108,100 بولۇپ، ئۇلار ئۈچىنچى سەپتە ماڭسۇن. دان قوشۇنلىرى تۇغىنى شىمال تەرەپكە قاداپ، چېدىرلىرىنى قوشۇن تەرتىپى بويىچە تىكسۇن. دان قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاخىئەزەردۇر. ئۇنىڭ 62,700 ئادىمى بار. دان قەبىلىسىنىڭ بىر تەرىپىدە ئاشېر قەبىلىسى بولۇپ، ئۇنىڭ باشلىقى ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىئېلدۇر. ئۇنىڭ 41,500 ئادىمى بار. دان قەبىلىسىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە نافتالى قەبىلىسى بولۇپ، ئۇنىڭ باشلىقى ئېناننىڭ ئوغلى ئاخىرادۇر. ئۇنىڭ 53,400 ئادىمى بار. دان قەبىلىسى يېتەكلەيدىغان قوشۇنلارنىڭ ئومۇمىي سانى 157,600 بولۇپ، ئۇلار ئۆز تۇغلىرىنى كۆتۈرۈپ، پۈتۈن سەپنىڭ كەينىدە ماڭسۇن. بۇلار جەمەتلىرى بويىچە رويخەتكە ئېلىنغان ئىسرائىللار بولۇپ، ھەرقايسى قارارگاھتىكى رويخەتكە ئېلىنغان لەشكەرلىرىنىڭ سانى 603,550كە يەتكەنىدى. لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئارىسىدا لاۋىيلار رويخەتكە ئېلىنمىدى. ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە ئىش كۆردى. ئۇلار ئۆز تۇغى ئاستىدا قارارگاھ قۇردى، ھەرقايسىسى ئۆز ئۇرۇق-جەمەتلىرى بىلەن يولغا چىقتى. پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا مۇسا بىلەن سۆزلەشكەن ۋاقىتتا، ھارۇن ۋە مۇسانىڭ تۆۋەندىكىدەك ئوغۇللىرى بار ئىدى. ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى: تۇنجى ئوغۇل ناداب، ئابىھۇ، ئەلئازار ۋە ئىتامار. ئۇلارنىڭ بېشىغا مۇقەددەس ياغ قۇيۇلۇپ، روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەنىدى. لېكىن ناداب بىلەن ئابىھۇ خۇداغا بويسۇنماي، سىناي چۆلىدە ئۇچرىشىش چېدىرىغا چەكلەنگەن ئوتنى ئەكىرگەنلىكى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆلدى، ئۇلاردىن پەرزەنت قالمىغانىدى. شۇڭا ئەلئازار بىلەن ئىتامار ئاتىسى ھارۇننىڭ قېشىدا روھانىيلىق قىلاتتى. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سەن لاۋىي قەبىلىسىنى روھانىي ھارۇننىڭ ئالدىغا باشلاپ كېلىپ، ئۇلارنى ئۇنىڭ خىزمىتىگە سالغىن. لاۋىيلار ھارۇننىڭ ۋە پۈتۈن جامائەتنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىشلىرىنى قىلسۇن. ئۇلار باشقا ئىسرائىللارغا ۋاكالىتەن ئىبادەت چېدىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى قىلىپ، ئۇنىڭ پۈتۈن نەرسە-كېرەكلىرىگە مەسئۇل بولسۇن. سەن لاۋىيلارنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگىن. ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ بىرى بولغان لاۋىيلار ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ياردەمدە بولۇشقا مەخسۇس تەيىنلەنسۇن. سەن ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە قويغىن. ئەگەر روھانىيلاردىن باشقا ئادەملەر ئىبادەت چېدىرىغا يېقىنلاشسا، ئۆلتۈرۈلسۇن. پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە مۇنداق دېدى: پەرۋەردىگار سىناي چۆلىدە مۇساغا مۇنداق ئەمر قىلدى: _ لاۋىيلارنىڭ بىر ئايلىق بولغان ئوغۇل بوۋاقلىرىدىن تارتىپ بارلىق ئەرلىرىنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە رويخەتكە ئالغىن. مۇسا ئۇلارنى رويخەتكە ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئىش كۆردى. لاۋىينىڭ ئوغۇللىرى: گېرشون، قوھات ۋە مىرارى. گېرشوننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسىملىرى جەمەت ناملىرىغا ئايلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى لىبنى ۋە شىمئى ئىدى. قوھاتنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسىملىرىمۇ جەمەت ناملىرىغا ئايلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ئامرام، يىزھار، ھىبرون ۋە ئۇززىئېل ئىدى. مىرارىنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسىملىرىمۇ جەمەت ناملىرىغا ئايلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ماخلى ۋە مۇشى ئىدى. يۇقىرىقىلار لاۋىي قەبىلىسىدىكى جەمەتلەر ئىدى. گېرشونلاردىن لىبنى ۋە شىمئىدىن ئىبارەت ئىككى جەمەت كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر ئايلىق بولغان ئوغۇل بوۋاقلىرىدىن تارتىپ رويخەتكە ئېلىنغان ئەرلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 7500 ئادەم ئىدى. گېرشون جەمەتى ئىبادەت چېدىرىنىڭ كەينىگە، يەنى كۈنپېتىش تەرەپكە ئورۇنلىشىشى شەرت ئىدى. ئۇلارنىڭ جەمەت باشلىقى لائېلنىڭ ئوغلى ئەلياساف ئىدى. ئۇلار ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى يوپۇقلارغا، چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى پەردىگە، ئىبادەت چېدىرى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت ئەتراپىنى چۆرىدەپ تارتىلغان پەردە توسۇقلارغا، ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى پەردىگە ۋە ئۇنىڭ تانىلىرىغا ھەم ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا مەسئۇل ئىدى. قوھاتلاردىن ئامرام، يىزھار، ھىبرون ۋە ئۇززىئېلدىن ئىبارەت تۆت جەمەت كېلىپ چىققان بولۇپ، بۇلارنىڭ بىر ئايلىق بولغان ئوغۇل بوۋاقلىرىدىن تارتىپ رويخەتكە ئېلىنغان ئەرلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 8600 ئادەم ئىدى. قوھات جەمەتى مۇقەددەس جابدۇقلارغا مەسئۇل ئىدى. بۇ جەمەت ئىبادەت چېدىرىنىڭ يېنىغا، يەنى جەنۇب تەرەپكە ئورۇنلىشىشى شەرت ئىدى. ئۇلارنىڭ جەمەت باشلىقى ئۇززىئېلنىڭ ئوغلى ئەلىزافان ئىدى. ئۇلار ئەھدە ساندۇقى، شىرە، چىراغدان، قۇربانلىق سۇپىسى، ئىسرىقدان، مۇقەددەس جايدا ئىشلىتىلىدىغان جابدۇقلار ۋە ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىدىغان ئىشىكتىكى پەردىگە ۋە شۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا مەسئۇل ئىدى. روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلئازار لاۋىيلارنىڭ باش يېتەكچىسى بولۇپ، مۇقەددەس جايدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئىدى. مىرارىلاردىن ماخلى ۋە مۇشىدىن ئىبارەت ئىككى جەمەت كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر ئايلىق بولغان ئوغۇل بوۋاقلىرىدىن تارتىپ رويخەتكە ئېلىنغان ئەرلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 6200 ئادەم ئىدى. مىرارى جەمەتى ئىبادەت چېدىرىنىڭ يېنىغا، يەنى شىمالىي تەرىپىگە ئورۇنلىشىشى شەرت ئىدى. ئۇلارنىڭ جەمەت باشلىقى ئابىخايىلنىڭ ئوغلى زۇرىئېل ئىدى. ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا، يەنى كۈنچىقىش تەرىپىگە مۇسا، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئورۇنلىشىشى شەرت ئىدى. ئۇلار ئىسرائىللارغا ۋاكالىتەن ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى مۇقەددەس بۇيۇملارنى باشقۇراتتى. ئەگەر روھانىيلاردىن باشقا ئادەملەر مۇقەددەس جايغا يېقىنلاشسا ئۆلتۈرۈلەتتى. مۇسا بىلەن ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بىنائەن جەمەتلەر بويىچە بىر ئايلىق بولغان ئوغۇل بوۋاقلاردىن تارتىپ رويخەتكە ئالغان لاۋىي ئەرلىرىنىڭ سانى جەمئىي 22,000 ئادەم ئىدى. ‏ پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىللارنىڭ بىر ئايلىق بولغان ئوغۇل بوۋاقلىرىدىن تارتىپ تۇنجى ئەركەكلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىسىملىرى بويىچە رويخەتكە ئالغىن. لاۋىيلارنى ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا تەئەللۇق قىلغىن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن! ئۇلارنىڭ چارۋا ماللىرىنى پۈتۈن ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغان چارۋا ماللىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا تەئەللۇق قىلغىن. پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە: _ ئەمدى سەن ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرىنىڭ ئورنىدا لاۋىيلارنى ماڭا تەئەللۇق قىلغىن ۋە لاۋىيلارنىڭ چارۋا ماللىرىنىمۇ ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغان چارۋا ماللىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا تەئەللۇق قىلغىن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن! ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغان ئوغۇللىرىنىڭ سانى لاۋىيلارنىڭ سانىدىن 273 ئادەم ئارتۇق، شۇڭا ئارتۇقىغا تۆلەم تۆلىشىڭلار كېرەك. ھەربىر كىشىگە بەش كۈمۈش تەڭگە تۆلىگىن. مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر تەڭگە 12 گىرامغا تەڭ. ئارتۇقىغا تۆلەنگەن بۇ كۈمۈشلەرنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەرگىن، _ دېدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بىنائەن ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تاپشۇردى. پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دېدى: _ لاۋىيلارنىڭ قوھات جەمەتىنىڭ ئادەم سانىنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە تىزىملاپ، ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلىيەلەيدىغان ئەرلەرنىڭ ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغانلىرىنى رويخەتكە ئېلىڭلار. قوھاتلارنىڭ ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى ۋەزىپىسى ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەرگە مەسئۇل بولۇشتۇر. چېدىرلارنى كۆچۈرگەن چاغدا ئاۋۋال ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىپ، ئەھدە ساندۇقىنى توسۇپ تۇرىدىغان پەردىنى چۈشۈرۈپ، ساندۇقنىڭ ئۈستىگە يېپىپ قويسۇن. ئۇنىڭ ئۈستىنى يەنە نەپىس ئىشلەنگەن تېرە بىلەن يېپىپ، ئارقىدىن كۆك رەڭلىك رەخت ئارتىپ قويسۇن. كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى جايىغا ئورناتسۇن. ئۇلار ماڭا ھەدىيە قىلىنغان نانلار قويۇلىدىغان شىرەنىڭ ئۈستىگە بىر پارچە كۆك رەڭلىك رەخت يېپىپ، ئۈستىگە تاۋاقلار، تەخسىلەر، ئىچىملىك ھەدىيەسى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان كۈپلەر ۋە چىنىلەرنى قويسۇن. ماڭا ھەدىيە قىلىنغان نانلار ئۇ يەردە تۇرسۇن. ئۇلار بۇ نەرسىلەرنىڭ ئۈستىنى بىر پارچە توق قىزىل رەڭلىك رەخت بىلەن يېپىپ، ئۈستىگە يەنە نەپىس ئىشلەنگەن تېرىنى ئارتىپ قويسۇن. كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى جايىغا ئورناتسۇن. ئۇلار چىراغدان، چىراغلار، پىلىك قىسقۇچلار، پەتنۇس ۋە بارلىق زەيتۇن يېغى قاچىلانغان قاچىلارنى كۆك رەڭلىك رەخت بىلەن يۆگەپ، ئۈستىنى نەپىس ئىشلەنگەن تېرە بىلەن ياپقاندىن كېيىن، زەمبىلگە سالسۇن. ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئالتۇن ئىسرىقداننىڭ ئۈستىگە بىر پارچە كۆك رەڭلىك رەخت يېپىپ، نەپىس ئىشلەنگەن تېرىنى ئارتىپ قويسۇن. كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى جايىغا ئورناتسۇن. مۇقەددەس جايدا ئىشلىتىلىدىغان باشقا جابدۇقلارنى كۆك رەڭلىك رەختكە يۆگەپ، نەپىس ئىشلەنگەن تېرە بىلەن ئۈستىنى ياپقاندىن كېيىن، زەمبىلگە سالسۇن. قۇربانلىق سۇپىسىدىكى كۈللەرنى تازىلاپ، ئۈستىگە سۆسۈن رەڭلىك رەخت ياپسۇن. ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىشلىتىلىدىغان بارلىق سايمانلارنى، يەنى چوغدان، ئارا، گۈرجەك ۋە داسلارنى قويۇپ، كېيىن نەپىس ئىشلەنگەن تېرىنى ئۈستىگە يېپىپ قويسۇن. ئاندىن كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى جايىغا ئورناتسۇن. ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مۇقەددەس بۇيۇملارنىڭ ئۈستىنى ياپقاندىن كېيىن، چېدىرلارنى كۆچۈرۈشكە تەييار بولغاندا، قوھاتلار بالداقلار بىلەن ئۇلارنى توشۇسۇن. بىراق قوھاتلار بۇ مۇقەددەس نەرسىلەرگە قول تەگكۈزمىسۇن! ئەگەر ئۇلار ئۇ نەرسىلەرگە قول تەگكۈزسە، ھالاك بولىدۇ. ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى بۇ مۇقەددەس نەرسىلەرنى توشۇش قوھاتلارنىڭ ۋەزىپىسىدۇر. روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلئازار چىراغ يېغى، خۇشبۇي ئىسرىق، كۈندىلىك ئاشلىق ھەدىيەسى، مۇقەددەس ياغ ھەمدە پۈتۈن ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەممە نەرسىلەرگە، جۈملىدىن چېدىرنىڭ جاھازلىرى ۋە جابدۇقلىرىغا مەسئۇل بولسۇن. پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا يەنە مۇنداق دېدى: _ قوھات جەمەتلىرىنىڭ لاۋىي قەبىلىسىدىن يوقاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇڭلار! قوھاتلار ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەرگە يېقىنلاشقاندا، ئۆلۈپ كەتمەي ھايات قېلىشى ئۈچۈن، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوھاتلار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرىغا بىرگە كىرىپ، قوھاتلارنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى ۋە نېمىنى كۆتۈرىدىغانلىقىنى ئېنىق بەلگىلەپ بەرسۇن. بىراق روھانىيلار ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى مۇقەددەس نەرسىلەرنى يېپىۋاتقاندا، قوھاتلار قەتئىي كىرىپ كۆرمىسۇن! كىرسە، ئۆلىدۇ. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ گېرشون جەمەتىنىڭ ئادەم سانىنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە تىزىملاپ، ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلىيەلەيدىغان ئەرلىرىنىڭ ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغانلىرىنى رويخەتكە ئالغىن. گېرشون جەمەتىنىڭ ۋەزىپىسى ئىبادەت چېدىرىنى يۆتكەش ۋە شۇنىڭغا دائىر ئىشلارنى قىلىش بولسۇن. ئۇلار ئىچى ۋە سىرتىدىكى يوپۇقلارنى، كىرىش ئېغىزىغا ئېسىلغان پەردىنى، ئىبادەت چېدىرى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت ئەتراپىنى چۆرىدەپ تارتىلغان پەردە توسۇقلار، ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئېسىلغان پەردە ۋە تانىلارنى شۇنداقلا شۇ ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سايمان-جابدۇقلارنى يۆتكەشكە مەسئۇل بولسۇن ۋە شۇنىڭغا دائىر ئىشلارنى قىلسۇن. گېرشونلار نەرسىلەرنى توشۇغاندا ياكى باشقا ئىشلارنى قىلغاندا، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قىلسۇن. ئۇلار گېرشونلارنىڭ نېمىنى توشۇيدىغانلىقىنى بەلگىلەپ بەرسۇن. مانا بۇلار گېرشونلارنىڭ ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى ۋەزىپىلىرىدۇر. ئۇلار روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ۋەزىپىلىرىنى ئىجرا قىلسۇن. مىرارى جەمەتىنىڭ ئادەم سانىنىمۇ ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە تىزىملاپ، ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلىيەلەيدىغان ئەرلەرنىڭ ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغانلىرىنى رويخەتكە ئالغىن. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئىبادەت چېدىرىنى توشۇش بولۇپ، ئۇلار ئىبادەت چېدىرىنىڭ راملىرى، توغرا بالداقلىرى، تۈۋرۈكلىرى، تۈۋرۈك پۇتلىرى، ھويلىنى چۆرىدەپ تۇرىدىغان تۈۋرۈكلىرى، تۈۋرۈك پۇتلىرى، قوزۇقلىرى، تانىلىرى ۋە سايمان-جابدۇقلىرىنى توشۇشقا مەسئۇل بولسۇن. ھەربىر ئادەمنىڭ نېمىنى توشۇيدىغانلىقىنى ئېنىق بەلگىلەپ بەرسۇن. مانا بۇلار مىرارى جەمەتىدىكىلەرنىڭ روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئۆتەشكە تېگىشلىك پۈتۈن ۋەزىپىلىرىدۇر. مۇسا، ھارۇن ۋە جامائەت ئاقساقاللىرى قوھات جەمەتلىرىنىڭ ئادەم سانىنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە تىزىملاپ، ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلىيەلەيدىغان ئەرلەرنىڭ ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغانلىرىنى رويخەتكە ئالدى. ئۇلارنىڭ سانى جەمەتى بويىچە جەمئىي 2750 كىشى بولۇپ چىقتى. قوھات جەمەتىدىن ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلەيدىغانلار مانا شۇلار ئىدى. پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە مۇسا ۋە ھارۇن قوھات جەمەتلىرىنى رويخەتكە ئالدى. ئۇلار گېرشون جەمەتلىرىنىڭ ئادەم سانىنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە تىزىملاپ، ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلىيەلەيدىغان ئەرلەرنىڭ ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى رويخەتكە ئالدى. ئۇلارنىڭ سانى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە جەمئىي 2630 كىشى بولۇپ چىقتى. گېرشون جەمەتىدىن ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلەيدىغانلار مانا شۇلار ئىدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە مۇسا ۋە ھارۇن گېرشون جەمەتلىرىنى رويخەتكە ئالدى. ئۇلار مىرارى جەمەتلىرىنىڭ ئادەم سانىنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە تىزىملاپ، ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلىيەلەيدىغان ئەرلەرنىڭ ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغانلىرىنى رويخەتكە ئالدى. ئۇلارنىڭ سانى جەمەتى بويىچە جەمئىي 3200 كىشى بولۇپ چىقتى. مىرارى جەمەتىدىن ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلەيدىغانلار مانا شۇلار ئىدى. مۇسا ۋە ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا قىلغان ئەمرى بويىچە مىرارى جەمەتلىرىنى رويخەتكە ئالدى. مۇسا، ھارۇن ۋە ئىسرائىل ئاقساقاللىرى پۈتۈن لاۋىيلارنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە رويخەتكە ئالدى. لاۋىي جەمەتلىرىنىڭ ئۇچرىشىش چېدىرىدا خىزمەت قىلىش ۋە توشۇش ئىشلىرىنى قىلالايدىغان ئەرلەرنىڭ ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغانلىرىنىڭ سانى جەمئىي 8580 كىشى بولۇپ چىقتى. پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە ھەربىر ئادەمنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقى ۋە نېمىلەرنى توشۇيدىغانلىقى بەلگىلەندى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە رويخەتكە ئېلىندى. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىللارغا بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «ئېغىر تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار، جىنسىي ئەزاسىدىن ئاجرالما چىققانلار، جەسەتنى تۇتۇپ ناپاك بولغانلار، مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ھەممىسى قارارگاھتىن چىقىرىۋېتىلسۇن. ئاراڭلاردىكى مەن تۇرىدىغان بۇ قارارگاھ ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن بۇلغانمىسۇن.» ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرىگە بىنائەن بۇنداق كىشىلەرنى قارارگاھتىن چىقىرىۋەتتى. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىللارغا بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، كىشىلەرگە ئادالەتسىزلىك قىلسا، ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلغان بولىدۇ. ئۇ ئادەم گۇناھكار بولىدۇ. ئۇنداق ئادەم گۇناھىنى بوينىغا ئېلىپ، زىيان سالغان كىشىگە زىياننى تۆلەپ بەرسۇن. بۇنىڭ سىرتىدا يەنە زىياننىڭ بەشتىن بىر ئۈلۈشىنى قوشۇپ تۆلىشى كېرەك. ئەگەر تۆلەم ئالغۇچى ۋاپات بولۇپ كېتىپ، يېقىن تۇغقىنى بولمىسا، ئۇ تۆلەمنى مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، روھانىيغا بەرسۇن. زىيان سالغۇچى گۇناھىنى ساقىت قىلىش ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىدىغان قوچقاردىن سىرت، تۆلەمنىمۇ قوشۇپ بەرسۇن. ئىسرائىللارنىڭ ماڭا ئاتاپ، روھانىيلارغا بېرىدىغان بارلىق ھەدىيەلىرى روھانىيلارنىڭ ئۆزلىرىگە مەنسۇپ بولىدۇ. ھەربىر روھانىي ئۆزىگە ئېلىپ كېلىنگەن ھەدىيەلەرنى ئۆزى قوبۇل قىلسۇن.» پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىللارغا بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «ئەگەر بىر ئايال يولدىن چىقىپ، ئېرىگە ساداقەتسىزلىك قىلىپ، مەلۇم بىر ئەر بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە ھەمدە بۇ ئىشنى ئېرىدىن سىر تۇتسا، گەرچە ئۇ ئايال بۇلغانغان بولسىمۇ لېكىن بايقالمىغان بولسا، ھەمدە گۇۋاھچىسىمۇ بولمىسا، ئەرنىڭ كۈندەشلىكى تۇتۇپ بۇزۇقچىلىق قىلغان ئايالىنى كۈنلىسە، ياكى ئايالى بۇزۇقچىلىق قىلمىغان تەقدىردىمۇ ئايالىنى كۈنلىسە، ئەر ئايالىنى روھانىينىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارسۇن. ئۇ يەنە ئايالى ئۈچۈن بىر كىلو ئارپا ئۇنىنى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە ئېلىپ بارسۇن. بۇ كۈندەشلىكنى ھەم گۇناھنى ئاشكارىلايدىغان ھەدىيە بولغاچقا، ئۇنىڭغا زەيتۇن يېغى قۇيمىسۇن، ئىسرىقنىمۇ سالمىسۇن. روھانىي ئۇ ئايالنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىغا، يەنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا ئېلىپ كېلىپ، تۇرغۇزسۇن. ئاندىن ساپال قاچىغا ئازراق مۇقەددەس سۇ ئېلىپ، ئۇنىڭغا ئىبادەت چېدىرىنىڭ يېرىدىن ئازراق توپا ئېلىپ سالسۇن. روھانىي مەن پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇ ئايالنىڭ چېچىنى چۇۋۇپ، كۈندەشلىكنى ھەم گۇناھنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن ئېلىپ كېلىنگەن ھەدىيەنى ئايالنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويسۇن، شۇنداقلا روھانىي لەنەت ئېلىپ كېلىدىغان زەرداب سۈيىنى قولىغا ئېلىپ تۇرسۇن. روھانىي ئۇ ئايالغا قەسەم ئىچكۈزۈپ، مۇنداق دېسۇن: ‹ئەگەر سەن بىرەر ئەر بىلەن ياتمىغان، ئېرىڭنىڭ ئەمرىدە تۇرۇپ بۇزۇقچىلىق قىلمىغان بولساڭ، لەنەت ياغدۇرىدىغان بۇ زەرداب سۇنىڭ زەھەرلىشىدىن خالاس بولىسەن. ئەگەر سەن ئېرىڭنىڭ ئەمرىدە تۇرۇپ، يولدىن چىقىپ، باشقا ئەر بىلەن زىنا قىلىپ، ئۆزۈڭنى بۇلغىغان بولساڭ، (ئۇ ۋاقىتتا روھانىي ئايالغا قەسەم ئىچكۈزىدۇ) پەرۋەردىگار بالىياتقۇڭنى چۈشۈرۈۋېتىپ، قورسىقىڭنى كۆپتۈرۈپ، سېنى خەلقىڭ ئالدىدا لەنەتكە قالغانلارنىڭ مىسالى قىلسۇن. بۇ سۇ ئىچىڭگە كىرىپ، ساڭا لەنەت ئېلىپ كەلسۇن ھەمدە قورسىقىڭنى كۆپتۈرۈپ، بالىياتقۇڭنى چۈشۈرۈۋەتسۇن.› كېيىن ئۇ ئايال ‹ئامىن، ئامىن› دېسۇن. روھانىي بۇ لەنەت سۆزلىرىنى تېرىگە يازسۇن، ئاندىن ئۇنى زەرداب سۈيىدە يۇيسۇن. روھانىي ئۇ ئايالغا لەنەت ئېلىپ كېلىدىغان بۇ زەرداب سۈيىنى ئىچكۈزسۇن. سۇ ئايالنىڭ قورسىقىغا كىرگەندە، ئەگەر ئايال گۇناھكار بولسا، سۇ ئۇنىڭغا ئېغىر ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ. روھانىي ئايالنىڭ قولىدىكى كۈندەشلىكنى ئاشكارىلايدىغان ھەدىيەنى ئېلىپ، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئېگىز كۆتۈرۈپ، قۇربانلىق سۇپىسىغا ئېلىپ كەلسۇن. روھانىي ئاشلىق ھەدىيەسىدىن بىر سىقىم ئېلىپ، ئۇنى نىشانە سۈپىتىدە قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. كېيىن زەرداب سۈيىنى ئايالغا ئىچكۈزسۇن. روھانىي بۇ سۇنى ئىچكۈزگەندە، ئەگەر ئۇ ئايال ھەقىقەتەن ئېرىگە ساداقەتسىزلىك قىلىپ، بۇزۇقچىلىق قىلغان بولسا، لەنەت ئېلىپ كېلىدىغان بۇ سۇ ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئۇنى جەبىر-زۇلۇمغا سالىدۇ. قورسىقى كۆپۈپ، بالىياتقۇسى چۈشۈپ كېتىدۇ. ئۇ ئايال خەلقىنىڭ ئالدىدا لەنەتكە قالغانلارنىڭ مىسالى بولىدۇ. ئەگەر ئۇ ئايال بۇزۇقچىلىق قىلمىغان بولۇپ، پاك بولسا، ھېچقانداق زىيانغا ئۇچرىمايدۇ ھەمدە پەرزەنت كۆرەلەيدۇ. مۇنداق بولغاندا ئەر گۇناھتىن خالىي بولىدۇ. ئايال گۇناھكار بولسا، خۇدانىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ.» پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىل خەلقىگە بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن ئەگەر قەسەم ئىچىپ، ئۆزىنى مەلۇم مۇددەتكىچە مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىماقچى بولسا، ئۆزىنى مەي ۋە شارابتىن نېرى قىلسۇن. ئۈزۈم ياكى باشقا نەرسىلەردىن ئېچىتىلغان ئىچىملىكلەرنى ئاغزىغا ئالمىسۇن، ئۈزۈم شەربىتىنى ئىچمىسۇن ھەمدە ئۈزۈم ۋە كىشمىشنى يېمىسۇن. ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىغان كۈنلەردە ئۈزۈمدىن ياسالغان يېمەكلىكلەرنى، ھەتتا ئۈزۈم ئۇرۇقى ۋە پوستىنىمۇ يېمىسۇن. ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىغان كۈنلەردە بېشىغا ئۇستىرا تەگكۈزمىسۇن. ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا بېغىشلىغان كۈنلەرنىڭ مۇددىتى توشقۇچە، چېچىنى ئۇزۇن ئۆستۈرۈپ يۈرسۇن. چۈنكى ئۇ، مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە ئاتالغاندۇر. ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىغان كۈنلەردە جەسەتكە يېقىنلاشمىسۇن. ھەتتا ئاتا-ئانىسى ياكى ئەر ۋە ئايال قېرىنداشلىرى تۈگەپ كەتسىمۇ، ئۇلارغا تېگىپ، ئۆزىنى بۇلغىمىسۇن. ئۇنىڭ چېچى، ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىغانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر. ئۇ ئۆزىنى بېغىشلىغان كۈنلەردە، مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە ئاتالغان بولىدۇ. ئەگەر بىرى ئۇنىڭ يېنىدا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ مەن پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ ئۆستۈرگەن چېچى بۇلغانغان بولىدۇ. شۇڭا ئۇ ئۆزىنى پاكلاش ئۈچۈن يەتتە كۈندىن كېيىن چېچىنى چۈشۈرۈۋەتسۇن. سەككىزىنچى كۈنى ئۇ ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەرنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا ئەكېلىپ، روھانىيغا بەرسۇن. روھانىي ئۇنى ئۆلۈككە يېقىنلاشقانلىق گۇناھىدىن ساقىت قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بىرىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلسۇن. ئۇ شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە چېچىنى قايتىدىن مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىسۇن ھەمدە مەن پەرۋەردىگارغا ئۆزىنى ئالاھىدە بېغىشلىشىنى قايتىدىن باشلىسۇن. بۇ ئۇنىڭ مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە ئاتىغان كۈنلىرى بۇلغانغانلىقى ئۈچۈن، ئالدىنقى كۈنلىرى ئىناۋەتسىز بولسۇن. ئۇ بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاننى ئەيىب قۇربانلىقىغا ئېلىپ كەلسۇن.» «ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا مەلۇم بىر مۇددەت ئىچىدە ئالاھىدە بېغىشلاشقا قەسەم قىلغۇچىنىڭ مۇددىتى توشقاندا، ئۇ مۇنداق قانۇن بويىچە ئىش قىلسۇن: ئۇ ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىنسۇن. مەن پەرۋەردىگارغا مۇنداق ھەدىيەلەرنى ئېلىپ كەلسۇن: كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بېجىرىم بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان، گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بېجىرىم بىر ياشلىق ساغلىق، ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن بېجىرىم بىر قوچقار، بىر سېۋەت پېتىر نان، يەنى سۈپەتلىك ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلۇپ پىشۇرۇلغان پېتىر توقاچ ۋە يۈزىگە زەيتۇن يېغى سۈرتۈلگەن پېتىر نان ۋە ئۇلار بىلەن بىللە سۇنىدىغان ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسى. روھانىي ئۇلارنى مەن پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنسۇن ھەمدە قوچقارنى پېتىر نان بىلەن ئامانلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە مەن پەرۋەردىگارغا سۇنسۇن. روھانىي يەنە ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسىنىمۇ سۇنسۇن. ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىغان كىشى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئالدىدا چېچىنى چۈشۈرۈپ، ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ ئاستىدىكى ئوتقا تاشلىسۇن. ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىغۇچى چېچىنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، روھانىي قوچقارنىڭ سۇدا پىشۇرۇلغان ئالدى پۇتىنى ۋە سېۋەتتىن بىر پېتىر توقاچ بىلەن بىر پېتىر ناننى ئېلىپ، ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىغۇچىنىڭ قولىغا تەگكۈزسۇن. روھانىي مەن پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بۇ نەرسىلەرنى ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرسۇن. بۇلارغا قوشۇپ يەنە، ئېگىز كۆتۈرۈلگەن تۆش ۋە يوتا گۆشلىرى مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بولۇپ، ئۇلارمۇ روھانىينىڭ ئۈلۈشىدۇر. شۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنى ماڭا ئالاھىدە بېغىشلىغۇچى شاراب ئىچسە بولىدۇ. مانا بۇلار، ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىغۇچىغا ئائىت قانۇندۇر. ئەگەر ئۆزىنى ماڭا ئالاھىدە بېغىشلىغۇچى، ئۆزىنى بېغىشلاش قەسىمىدىن باشقا، ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ، ماڭا يەنە ھەدىيە سۇنۇشقا قەسەم قىلغان بولسا، ئۇ قىلغان قەسىمىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلسۇن.» پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بۇ سۆزلەرنى يەتكۈزگىن: «سىلەر ئىسرائىللارغا مۇنداق دەپ بەخت تىلەڭلار: ‹پەرۋەردىگار سىلەرگە بەخت ئاتا قىلغاي ۋە سىلەرنى قوغدىغاي! پەرۋەردىگار سىلەرگە دىدارىنىڭ نۇرىنى چاچقاي ۋە مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەي! پەرۋەردىگار سىلەرگە ئۆز دىدارىنى كۆرسەتكەي ۋە سىلەرگە ئامان-ئېسەنلىك ئاتا قىلغاي!›» ئۇلار ئىسرائىللار ئۈچۈن مېنىڭ نامىم بىلەن دۇئا قىلسا، مەن ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلىمەن. مۇسا ئىبادەت چېدىرىنى قۇرۇپ بولغان كۈنى، ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بولغان بارلىق نەرسىلەرگە، قۇربانلىق سۇپىسىغا ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بارلىق سايمانلارغا مۇقەددەس ياغ سۈركەپ، ئۇلارنى مۇقەددەس قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىل ئاقساقاللىرى، يەنى رويخەتكە ئېلىشقا مەسئۇل بولغان ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ باشلىقلىرى ھەدىيەلىرىنى سۇنۇشتى. ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئالتە ھارۋا، ئون ئىككى تۇياق ئۆكۈز ھەدىيە قىلغان بولۇپ، ھەربىر قەبىلە باشلىقى بىردىن ئۆكۈز، ھەر ئىككى قەبىلە باشلىقى بىرلىشىپ، بىردىن ھارۋىنى ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشكەنىدى. پەرۋەردىگار مۇساغا: _ ئۇلار ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىپ ئالغىن. بۇ نەرسىلەرنى ئۇچرىشىش چېدىرىدا خىزمەت قىلىشقا ئىشلىتىڭلار. لاۋىيلارنىڭ ئىش تەقسىماتىغا قاراپ، بۇ نەرسىلەرنى ئۇلارغا بۆلۈپ بەرگىن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا ھارۋا ۋە ئۆكۈزلەرنى لاۋىيلارغا تاپشۇرۇپ بەردى. بىراق قوھات ئەۋلادلىرى مۇقەددەس نەرسىلەرنى مۈرىسىدە كۆتۈرىدىغان بولغاچقا، مۇسا ئۇلارغا ھېچنېمە بەرمىدى. قۇربانلىق سۇپىسىغا مۇقەددەس ياغ سۈركەلگەندىن كېيىن، ئاقساقاللار بېغىشلاش ھەدىيەلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىغا قويدى. چۈنكى پەرۋەردىگار مۇساغا: «ئۇلار قۇربانلىق سۇپىسىنى ماڭا بېغىشلاش ئۈچۈن ھەدىيەلىرىنى سۇنسۇن، ھەر كۈنى بىر ئاقساقال ئۆز ھەدىيەسىنى سۇنسۇن» دېگەنىدى. بىرىنچى كۈنى يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناخشون ئۆز ھەدىيەسىنى سۇندى. ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يېرىم كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتلىك ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغانىدى)، ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناخشوننىڭ ھەدىيەلىرى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى. ئىككىنچى كۈنى ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى زۇئارنىڭ ئوغلى نىتانئېل ئۆز ھەدىيەسىنى سۇندى. ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يېرىم كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتلىك ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغانىدى)، ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، زۇئارنىڭ ئوغلى نىتانئېلنىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى. ئۈچىنچى كۈنى زەبۇلۇن قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى خېلوننىڭ ئوغلى ئەلىئاب ئۆز ھەدىيەسىنى سۇندى. ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يېرىم كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتلىك ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغانىدى)، ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، خېلوننىڭ ئوغلى ئەلىئابنىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى. تۆتىنچى كۈنى رۇبېن قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى شىدېئۇرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر ئۆز ھەدىيەسىنى سۇندى. ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يېرىم كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتلىك ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغانىدى)، ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، شىدېئۇرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇرنىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى. بەشىنچى كۈنى شىمون قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى زۇرىشادداينىڭ ئوغلى شىلۇمىئېل ئۆز ھەدىيەسىنى سۇندى. ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يېرىم كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتلىك ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغانىدى)، ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، زۇرىشادداينىڭ ئوغلى شىلۇمىئېلنىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى. ئالتىنچى كۈنى گاد قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى دىئۇئېلنىڭ ئوغلى ئەلياساف ئۆز ھەدىيەسىنى سۇندى. ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يېرىم كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتلىك ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغانىدى)، ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، دىئۇئېلنىڭ ئوغلى ئەلياسافنىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى. يەتتىنچى كۈنى ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما ئۆز ھەدىيەسىنى سۇندى. ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يېرىم كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتلىك ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغانىدى)، ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشامانىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى. سەككىزىنچى كۈنى ماناسسە قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى پىدازۇرنىڭ ئوغلى گاملىئېل ئۆز ھەدىيەسىنى سۇندى. ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يېرىم كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتلىك ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغانىدى)، ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، پىدازۇرنىڭ ئوغلى گاملىئېلنىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى. توققۇزىنچى كۈنى بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى گىدئونىنىڭ ئوغلى ئابىدان ئۆز ھەدىيەسىنى سۇندى. ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يېرىم كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتلىك ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغانىدى)، ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، گىدئونىنىڭ ئوغلى ئابىداننىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى. ئونىنچى كۈنى دان قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى ئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاخىئەزەر ئۆز ھەدىيەسىنى سۇندى. ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يېرىم كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتلىك ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغانىدى)، ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، ئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاخىئەزەرنىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى. ئون بىرىنچى كۈنى ئاشېر قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىئېل ئۆز ھەدىيەسىنى سۇندى. ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يېرىم كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتلىك ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغانىدى)، ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىئېلنىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى. ئون ئىككىنچى كۈنى نافتالى قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى ئېناننىڭ ئوغلى ئاخىرا ئۆز ھەدىيەسىنى سۇندى. ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يېرىم كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتلىك ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغانىدى)، ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، ئېناننىڭ ئوغلى ئاخىرانىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى. قۇربانلىق سۇپىسىغا مۇقەددەس ياغ سۈركەلگەن كۈنى، ئىسرائىل ئاقساقاللىرى قۇربانلىق سۇپىسىنى خۇداغا بېغىشلاش ئۈچۈن سۇنغان ھەدىيەلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى تۆۋەندىكىدەك: 12 كۈمۈش تاۋاق، 12 كۈمۈش قاچا، 12 ئالتۇن تەخسە. مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ھەربىر كۈمۈش تاۋاقنىڭ ئېغىرلىقى بىر يېرىم كىلو، ھەربىر كۈمۈش قاچىنىڭ ئېغىرلىقى 800 گىرام بولۇپ، بارلىق كۈمۈشنىڭ ئېغىرلىقى 27 كىلو 600 گىرام ئىدى. ئىچىگە ئىسرىق تولدۇرۇلغان 12 ئالتۇن تەخسە، ھەربىر تەخسىنىڭ ئېغىرلىقى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە 115 گىرام بولۇپ بارلىق تەخسىلەرنىڭ ئېغىرلىقى 1 كىلو 380 گىرام ئىدى. كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن 12 بۇقا، 12 قوچقار، 12 تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان ھەمدە قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن 12 تېكە سۇنۇلغانىدى. ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ماللار تۆۋەندىكىدەك: 24 بۇقا، 60 قوچقار، 60 تېكە، 60 تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان. قۇربانلىق سۇپىسىغا مۇقەددەس ياغ سۈركەلگەندىن كېيىن سۇنۇلغان بېغىشلاش ھەدىيەلىرى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى. مۇسا پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرگەندە، ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى «گۇناھتىن پاكلىنىش جايى»غا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىككى «كېرۇب»نىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىۋاتقان پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدى. پەرۋەردىگار شۇ خىل ئۇسۇلدا مۇسا بىلەن سۆزلەشتى. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ ھارۇنغا ئېيتقىن: «ئۇ يەتتە چىراغنى چىراغدانغا ئورۇنلاشتۇرغاندا، چىراغلارنىڭ نۇرى چىراغداننىڭ ئالدىنى يورۇتىدىغان قىلىپ قويسۇن». ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە چىراغلارنى چىراغداننىڭ ئالدىنى يورۇتىدىغان قىلىپ قويدى. پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا كۆرسەتكىنى بويىچە چىراغدان پۇتىدىن تارتىپ تاكى گۈللۈك نەقىشلىرىگىچە پۈتۈنلەي ئالتۇندىن سوقۇلغانىدى. مانا بۇ چىراغداننىڭ ياسىلىشىدۇر. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ لاۋىيلارنى ئىسرائىللاردىن ئايرىپ چىقىپ، ئۇلارنى پاكلىغىن. لاۋىيلارنى مۇنداق ئۇسۇل بىلەن پاكلىغىن: ئۇلارغا پاكلىنىش سۈيىنى سەپكىن، ئاندىن ئۇلار ئۇستىرا بىلەن پۈتۈن بەدەنلىرىنى قىرىپ تازىلىسۇن. كىيىملىرىنى يۇيسۇن، شۇندىلا ئۇلار پاكلانغان بولىدۇ. ئاندىن ئۇلار بىر تۇياق بۇقا ۋە ئۇنىڭغا قوشۇپ ھەدىيە قىلىنىدىغان زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان سۈپەتلىك ئۇن ئېلىپ كەلسۇن. سەن ئۆزۈڭ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن يەنە بىر تۇياق بۇقا ئېلىپ كەلگىن. پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتىنى جەم قىلىپ، لاۋىيلارنى مېنىڭ ھۇزۇرۇم بولغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئەكەلگىن. لاۋىيلارنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا ئېلىپ كەلگىنىڭدە، ئىسرائىللار قوللىرىنى لاۋىيلارنىڭ باشلىرىغا قويۇشسۇن. ھارۇن لاۋىيلارنى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئالاھىدە ھەدىيەسى سۈپىتىدە مېنىڭ خىزمىتىمدە بولۇشى ئۈچۈن، ماڭا بېغىشلىسۇن. لاۋىيلار ئىككى تۇياق بۇقىنىڭ باشلىرىغا قوللىرىنى قويۇشسۇن، ھارۇن ئۇلارنىڭ بىرىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ، لاۋىيلارنى گۇناھلىرىدىن ساقىت قىلسۇن. سەن لاۋىيلارنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن يۈزمۇيۈز قارىتىپ تۇرغۇزۇپ قويغىن. ھارۇن لاۋىيلارنى ئالاھىدە ھەدىيە سۈپىتىدە ماڭا بېغىشلىسۇن. شۇنداق قىلىپ لاۋىيلارنى ئىسرائىل خەلقى ئارىسىدىن ئايرىۋالغىن. شۇندىلا لاۋىيلار مېنىڭ بولىدۇ. لاۋىيلار پاكلىنىپ، ئالاھىدە ھەدىيە سۈپىتىدە ماڭا بېغىشلانغاندىن كېيىن، ئۇلار ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىپ، مەن ئۈچۈن خىزمەت قىلسا بولىدۇ. ئۇلار ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدىن ماڭا پۈتۈنلەي ھەدىيە قىلىنغاندۇر. مەن ئۇلارنى ئىسرائىللارنىڭ بارلىق تۇنجى تۇغۇلغان ئوغۇللىرىنىڭ ئورنىدا ئۆزۈمگە تەئەللۇق قىلدىم. ئىسرائىللارنىڭ بارلىق تۇنجىلىرى مەيلى ئىنسان ياكى چارۋا مال بولسۇن، ماڭا تەئەللۇقتۇر. چۈنكى مەن مىسىردا مىسىرلىقلارنىڭ بارلىق تۇنجى تۇغۇلغان ئوغۇللىرىنى ھالاك قىلغان كۈنى، ئىسرائىللارنىڭ بارلىق تۇنجىلىرىنى ئۆزۈمگە ئاتىغانىدىم. مانا ئەمدى پۈتۈن ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغان ئوغۇللىرىنىڭ ئورنىغا لاۋىيلارنى قويدۇم. مەن لاۋىيلارنى ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدىن ئايرىپ چىقىپ، ھەدىيە سۈپىتىدە ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەقدىم قىلدىم. ئۇلار ئىسرائىل خەلقى ئۈچۈن ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلەپ، خەلقنى گۇناھلىرىدىن ساقىت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئۇچرىشىش چېدىرىغا يېقىنلىشىپ قالسىمۇ، ئۇلارغا بالا-قازا كەلمەيدۇ. مۇسا، ھارۇن ۋە پۈتۈن خەلق پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە ئىش قىلىپ، لاۋىيلارنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلىدى. لاۋىيلار پاكلىنىپ، كىيىم-كېچەكلىرىنى يۇيۇپ تازىلىغاندىن كېيىن، ھارۇن ئۇلارنى ئالاھىدە ھەدىيە سۈپىتىدە پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ، ئۇلارنى گۇناھتىن ساقىت قىلىپ، پاكلىدى. ھەممە ئىشلار ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە لاۋىيلار ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىپ، خىزمىتىنى باشلىدى. ئىسرائىل خەلقى پەرۋەردىگارنىڭ لاۋىيلار توغرىسىدا مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرىنى بەجا كەلتۈردى. پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە مۇنداق دېدى: _ لاۋىيلار ئارىسىدا مۇنداق قائىدە بولسۇن: لاۋىيلار 25 ياشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى خىزمەتكە قويۇلسۇن. 50 يېشىدا دەم ئېلىشقا چىقىپ، قايتا خىزمەت قىلمىسۇن. ئەمما ئۇلار ئۇچرىشىش چېدىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان باشقا لاۋىيلارغا ياردەم قىلسا بولىدۇ. لېكىن ئۆزى يالغۇز خىزمەت قىلسا بولمايدۇ. سەن لاۋىيلارنىڭ ۋەزىپىسىنى مانا شۇنداق بەلگىلەپ بەرگىن. ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىنكى 2-يىلى، 1-ئايدا پەرۋەردىگار سىناي چۆلىدە مۇساغا: _ ئىسرائىل خەلقى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئۆتكۈزسۇن. مۇشۇ ئاينىڭ 14-كۈنى گۇگۇم چۈشكەندىن باشلاپ، بارلىق بەلگىلىمە ۋە قائىدىلەر بويىچە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزسۇن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا خەلققە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشنى بۇيرۇدى. 1-ئاينىڭ 14-كۈنى گۇگۇم چۈشكەندىن باشلاپ، ئۇلار سىناي چۆلىدە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزدى. پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرلىرىنى خەلق بىر-بىرلەپ بەجا كەلتۈردى. بىراق بىرنەچچە كىشى جەسەتلەرنى تۇتۇپ، ناپاك بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ كۈنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزەلمىدى. ئۇلار مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ ئالدىغا بېرىپ: _ بىز جەسەت تۇتقانلىقىمىز ئۈچۈن، ناپاك بولۇپ قالدۇق. شۇ سەۋەبتىن بىزنىڭ ئىسرائىل خەلقى بىلەن بىللە بەلگىلەنگەن كۈندە پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلىشىمىزغا رۇخسەت قىلىنمامدۇ؟ _ دەپ سوراشتى. مۇسا ئۇلارغا: _ مۇشۇ يەردە بىر ئاز كۈتۈپ تۇرۇڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە نېمە يوليورۇقى باركىن، ئاڭلاپ باقاي، _ دېدى. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سەن ئىسرائىل خەلقىگە ئېيتقىن، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە جەسەتنى تۇتقانلىقى ئۈچۈن ناپاك بولۇپ قالغانلار ياكى ئۇزۇن سەپەردە بولۇپ قالغانلار بولسا، ماڭا ئاتالغان ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزىۋەرسۇن. بۇنداق كىشىلەر بىر ئايدىن كېيىن، يەنى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى گۇگۇم چۈشكەندىن باشلاپ ھېيت قىلسۇن. ھېيتنىڭ قۇربانلىقىنى پېتىر نان ۋە ئاچچىق-چۈچۈك كۆكتات بىلەن يېسۇن. ئېشىپ قالغان يېمەكلىكنى ئەتىسى ئەتىگەنگىچە ساقلىمىسۇن. مالنىڭ ئۇستىخىنىنى سۇندۇرمىسۇن. ھېيتنى پۈتۈن قائىدە-يوسۇنلىرى بويىچە ئۆتكۈزسۇن. ئەگەر ھەرقانداق بىر كىشى پاك بولۇپ تۇرۇقلۇق ياكى ئۇزۇن سەپەرگە چىقمىغان تۇرۇقلۇق، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزمىسە، ئۆز گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتىپ، خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. چۈنكى ئۇ بەلگىلەنگەن كۈندە ماڭا قۇربانلىق قىلمىدى. ئەگەر ئاراڭلاردىكى يات خەلقلەردىن بىركىم ھېيتنى ئۆتكۈزمەكچى بولسا، ئۇ ھېيتنى پۈتۈن بەلگىلىمىلىرى ۋە قائىدىلىرى بويىچە ئۆتكۈزسۇن. مەيلى ئىسرائىللار ياكى يات خەلقلەر بولسۇن، ھەممىسىگە ئوخشاش بەلگىلىمىلەر قوللىنىلسۇن. ئەھدە چېدىرى دەپمۇ ئاتالغان ئىبادەت چېدىرى تىكىلگەن كۈنى بىر پارچە بۇلۇت ئۇنى قاپلاپ تۇردى. كەچتىن ئەتىگەنگىچە چېدىر ئۈستىدىكى بۇ بۇلۇت خۇددى ئوتتەك كۆرۈنەتتى. بۇ ئەھۋال داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇردى. كۈندۈزى چېدىرنى بۇلۇت قاپلىۋالاتتى، كېچىسى بۇلۇت خۇددى ئوتتەك كۆرۈنەتتى. ئۇ چېدىر ئۈستىدىن كۆتۈرۈلگەن ۋاقىتتا، ئىسرائىللار چېدىرلىرىنى چۇۋۇپ، يولغا چىقاتتى. بۇلۇت پەسلىگەن جايلاردا، چېدىرلىرىنى تىكەتتى. ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن چېدىرلىرىنى چۇۋۇپ، يولغا چىقاتتى ۋە يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن چېدىرلىرىنى تىكەتتى. بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە قانچىلىك ۋاقىت توختىسا، ئۇلار قارارگاھىدا شۇنچىلىك ۋاقىت تۇراتتى. بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە ئۇزاقراق توختىغاندا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇپ، يۆتكەلمەيتتى. بەزىدە بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە ئاران بىرنەچچە كۈنلا توختايتتى، ئەھۋال قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بىنائەن چېدىرلىرىنى چۇۋۇپ، كۆچەتتى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بىنائەن چېدىرلىرىنى تىكەتتى. بەزىدە بۇلۇت پەقەت بىر كېچىلا توختاپ، ئەتىسى ئەتىگەندە كۆتۈرۈلۈپ كېتەتتى. بۇلۇت كۆتۈرۈلگەندە، ئۇلارمۇ يولغا چىقاتتى. مەيلى كۈندۈزى ياكى كېچىسى بولسۇن، بۇلۇت كۆتۈرۈلسىلا، ئۇلار يولغا چىقاتتى. ئىككى كۈن، بىر ئاي ياكى ئۇنىڭدىن ئۇزۇن ۋاقىت بولسىمۇ، پەقەت بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە توختىسىلا، ئۇلار قوزغالمايتتى. بۇلۇت كۆتۈرۈلسىلا، ئۇلار يەنە يولغا چىقاتتى. ئۇلارنىڭ چېدىرلىرىنى چۇۋۇپ كۆچۈشى ياكى چېدىرلىرىنى تىكىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرلىرى بويىچە ئىش كۆردى. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ كۈمۈشتىن ئىككى كاناي ياساتقىن، كانايلار سوقۇپ ياسالسۇن. ئۇلارنى جامائەتنى يىغىش ۋە قارارگاھلارنى كۆچۈرۈشتە ئۇقتۇرۇش قىلىشقا ئىشلەتكىن. ئىككى كۈمۈش كاناي تەڭ چېلىنغاندا، پۈتۈن جامائەت ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا، سېنىڭ يېنىڭغا يىغىلسۇن. ئەگەر بىر كاناي چېلىنسا، ئىسرائىل قوشۇنلىرىنىڭ سەركەردىلىرى بولغان ئاقساقاللار يىغىلسۇن. ئەگەر قىسقا چېلىنسا، شەرق تەرەپتە چېدىر تىككەن قەبىلىلەر چېدىرلىرىنى چۇۋۇپ كۆچسۇن. ئىككىنچى قېتىم قىسقا چېلىنسا، جەنۇب تەرەپتە چېدىر تىككەن قەبىلىلەر چېدىرلىرىنى چۇۋۇپ كۆچسۇن. كاناي چېدىرلارنى كۆچۈرۈش ئۈچۈن قىسقا چېلىنسۇن. جامائەتنى يىغىشقا توغرا كەلسە ئۇزۇن چېلىنسۇن، قىسقا چېلىنمىسۇن. بۇ ئىككى كاناينى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان روھانىيلار چالسۇن. بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەمەل قىلىڭلار. سىلەر زېمىنىڭلارغا باستۇرۇپ كەلگەن دۈشمەنگە قارشى جەڭگە ئاتلانغاندا، بۇ ئىككى كاناي بىلەن چاقىرىق قىلىڭلار. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى قوغداپ، دۈشمىنىڭلاردىن قۇتۇلدۇرىمەن. شاد-خۇراملىق كۈنلىرىڭلار، يەنى بەلگىلەنگەن ھېيتلىرىڭلار ۋە يېڭى ئاي بايراملىرىڭلاردا كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرى سۇنغاندا، بۇ كانايلارنى چېلىڭلار، مەن سىلەرنى ئەسلەيمەن، سىلەرگە ياردەم قىلىمەن. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىنكى 2-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەھدە چېدىرىنىڭ ئۈستىدىكى بۇلۇت كۆتۈرۈلدى. ئىسرائىللار سەپەرگە ئاتلىنىپ، سىناي چۆلىدىن چىقىپ كەتتى. بۇلۇت پاران چۆلىگە كېلىپ توختىدى. بۇ ئۇلارنىڭ بىرىنچى قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە يولغا چىقىشى بولدى. ھەر قېتىم ئۇلار يولغا چىققاندا، ئالدى بىلەن يەھۇدا تۇغى ئاستىدىكىلەر يولغا چىقىپ، سەپ تارتىپ ماڭدى. يەھۇدا قەبىلىسىگە ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناخشون يېتەكچىلىك قىلدى. زۇئارنىڭ ئوغلى نىتانئېل ئىسساكار قەبىلىسىگە يېتەكچىلىك قىلدى. خېلوننىڭ ئوغلى ئەلىئاب زەبۇلۇن قەبىلىسىگە يېتەكچىلىك قىلدى. ئىبادەت چېدىرى چۇۋۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، گېرشون ۋە مىرارىنىڭ ئەۋلادلىرى چېدىرنى كۆتۈرۈپ يولغا چىقتى. ئۇنىڭ كەينىدىن رۇبېن تۇغى ئاستىدىكىلەر يولغا چىقىپ، سەپ تارتىپ ماڭدى. رۇبېن قەبىلىسىگە شىدېئۇرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر يېتەكچىلىك قىلدى. زۇرىشادداينىڭ ئوغلى شىلۇمىئېل شىمون قەبىلىسىگە يېتەكچىلىك قىلدى. دىئۇئېلنىڭ ئوغلى ئەلياساف گاد قەبىلىسىگە يېتەكچىلىك قىلدى. ئاندىن كېيىن قوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى مۇقەددەس نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ يولغا چىقتى. ئۇلار قارارگاھقا يېتىپ بارغۇچە، ئىبادەت چېدىرى تىكىلىپ بولغانىدى. ئۇنىڭ كەينىدىن ئەفرايىم تۇغى ئاستىدىكىلەر يولغا چىقىپ، سەپ تارتىپ ماڭدى. ئەفرايىم قەبىلىسىگە ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما يېتەكچىلىك قىلدى. پىدازۇرنىڭ ئوغلى گاملىئېل ماناسسە قەبىلىسىگە يېتەكچىلىك قىلدى. گىدئونىنىڭ ئوغلى ئابىدان بىنيامىن قەبىلىسىگە يېتەكچىلىك قىلدى. ئەڭ ئاخىرىدا مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنى بولغان دان تۇغى ئاستىدىكىلەر يولغا چىقىپ، سەپ تۈزۈپ ماڭدى. دان قەبىلىسىگە ئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاخىئەزەر يېتەكچىلىك قىلدى. ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىئېل ئاشېر قەبىلىسىگە يېتەكچىلىك قىلدى. ئېناننىڭ ئوغلى ئاخىرا نافتالى قەبىلىسىگە يېتەكچىلىك قىلدى. ئىسرائىللار چېدىرلىرىنى چۇۋۇغاندىن كېيىن، مانا شۇ تەرتىپ بويىچە سەپ تارتىپ ماڭدى. مۇسا مىديانلاردىن بولغان قېيىنئاتىسى رىئۇئېلنىڭ ئوغلى خوبابقا: _ بىز پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغان زېمىنغا بارىمىز. ئۇ ئىسرائىللارنى روناق تاپقۇزۇشقا ۋەدە قىلدى. شۇڭا بىز بىلەن بىللە ماڭغايسىز. بىز ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالىمىز، _ دېدى. لېكىن خوباب: _ مەن بارمايمەن، ئۆز يۇرتۇمغا، قېرىنداشلىرىمنىڭ قېشىغا كېتەي، _ دەپ جاۋاب بەردى. مۇسا ئۇنىڭغا: _ بىزدىن ئايرىلمىغايسىز. سىز بۇ چۆلنى ياخشى بىلىسىز. بىزگە يول باشلىغۇچى بولۇپ، قەيەردە قارارگاھ قۇرساق بولىدىغانلىقىنى دەپ بەرگەيسىز. ئەگەر سىز بىز بىلەن بىللە بارسىڭىز، پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان بارلىق سائادەتلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىسىز، _ دېدى. ئىسرائىللار پەرۋەردىگار زاھىر بولغان سىناي تېغىدىن چىقىپ، ئۈچ كۈن يول ماڭدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەنلەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، چېدىر تىكىدىغانغا جاي ئىزدىدى. ئۇلار بىر قارارگاھتىن يەنە بىر قارارگاھقا كۆچكىنىدە، پەرۋەردىگارنىڭ بۇلۇتى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن نېرى كەتمىدى. ئەھدە ساندۇقىنى ھەر قېتىم يۆتكىگەندە، مۇسا: «ئى پەرۋەردىگار، قوزغالغايسەن! دۈشمەنلىرىڭنى تىرىپىرەن قىلغايسەن! سېنى يامان كۆرگۈچىلەر ئالدىڭدىن قېچىپ كەتسۇن» دەپ دۇئا قىلاتتى. ئەھدە ساندۇقى ھەربىر توختىغاندا، مۇسا: «ئى پەرۋەردىگار، تۈمەن مىڭلىغان ئىسرائىللار ئىچىگە قايتىپ كەلگەيسەن» دەپ دۇئا قىلاتتى. خەلق قىيىنچىلىققا ئۇچراپ، ئاغرىنىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ ئاغرىنىشلىرى پەرۋەردىگارنىڭ قۇلىقىغا يەتتى. پەرۋەردىگار غەزەپلىنىپ، ئۇلارغا ئوت چېچىپ، قارارگاھنىڭ بىر چېتىنى كۆيدۈرۈۋەتتى. خەلق مۇساغا يالۋۇرۇۋىدى، مۇسا پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى. ئاندىن ئوت ئۆچتى. پەرۋەردىگار ئۇلارغا ئوت چاچقاچقا، ئۇ يەر تابئېرا [مەنىسى «كۆيگەن يەر»] دەپ ئاتالدى. ئىسرائىللار بىلەن سەپەرداش بولغان بەزى يات قوۋمدىكى جېدەلخور ئادەملەرنىڭ نەپسى گۆش سېغىنىپ كەتكەنىدى. ئىسرائىللار يەنە زارلىنىپ: _ ئەگەر گۆش بولغان بولسا نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى! مىسىردىكى چاغلىرىمىز ھېلىمۇ ئېسىمىزدە بار، ئۇ ۋاقىتتا بىكارلىق بېلىقنى خالىغانچە يەيتتۇق. تەرخەمەك، تاۋۇز، غولپىياز، پىياز ۋە سامساقمۇ بار ئىدى. ئەمدى ئىشتىھايىمىز تۇتۇلۇپ كەتتى. ھەر كۈنى ماننادىن باشقا يەيدىغان ھېچ نەرسە يوق! _ دەپ نارازى بولۇشتى. (ماننانىڭ شەكلى ئاشكۆكىنىڭ ئۇرۇقىغا ئوخشاش بولۇپ، سارغۇچ رەڭدە ئىدى. كۆپچىلىك چېدىرلىرىدىن چىقىپ، ھەركىم ئۆز چېدىرلىرىنىڭ ئالدىدا كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈپ، زارلىنىشاتتى. مۇسا بۇ ئىشلارنى ئاڭلىدى. پەرۋەردىگار خەلققە بەكمۇ غەزەپلەنگەنىدى، مۇسامۇ خاپا بولدى. مۇسا پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى: _ خىزمەتكارىڭ بولغان مېنى نېمىشقا بۇنچە قىينايسەن؟ سېنى رەنجىتكۈدەك بىرەر ئىش قىلدىممۇ؟ نېمىشقا بۇ خەلقنىڭ ئېغىرىنى مېنىڭ يەلكەمگە يۈكلىدىڭ؟ ئۇلار مېنىڭ پەرزەنتلىرىممىدى؟ ئۇلارنى مەن ئاپىرىدە قىلغانمىدىم؟ سەن نېمىشقا مەندىن، ئۇلارنى خۇددى ئاتىسىغا ئوخشاش ئاسراپ، ئەجدادلىرىغا ۋەدە قىلغان زېمىنغا قوغداپ ئاپىرىشىمنى تەلەپ قىلدىڭ؟ ئۇلار مېنىڭ ئالدىمدا يىغلاپ: «گۆش تېپىپ بەرگىن!» دەپ يالۋۇرىدۇ. مەن شۇنچە خەلققە گۆشنى نەدىن تېپىپ بېرەلەيمەن؟ بۇ خەلقنى باشقۇرۇش ۋەزىپىسى ماڭا ھەقىقەتەن ئېغىر كەلدى. مەن بۇنى يالغۇز ئۈستۈمگە ئالالمىغۇدەكمەن. سەن ماڭا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلغانىكەنسەن، ماڭا رەھىم قىلىپ، دەرھال جېنىمنى ئال، مەن بۇ جاپانى قايتا تارتماي! پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ خەلقنىڭ ئارىسىدىكى سەن تونۇيدىغان پېشقەدەم ئاقساقاللار ۋە باشقۇرغۇچىلاردىن يەتمىشنى يىغىپ، ئۇلارنى ئۇچرىشىش چېدىرىغا ئېلىپ كەلگىن. ئۇلار يېنىڭدا تۇرسۇن. مەن شۇ يەرگە چۈشۈپ، سەن بىلەن سۆزلىشىمەن. ساڭا ئاتا قىلغان روھتىن ئۇلارغىمۇ ئاتا قىلىمەن. سەن بۇ خەلقنىڭ ئېغىرلىقىنى يالغۇز كۆتۈرمەسلىكىڭ ئۈچۈن، ئۇلار يېنىڭغا كېلىپ ئېغىرلىقىڭنى يەڭگىل قىلىدۇ. سەن خەلققە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «ھەممىڭلار ئۆزۈڭلارنى پاكلاپ، ئەتە گۆش يېيىش ئۈچۈن تەييارلىنىڭلار. سىلەرنىڭ ‹كىم بىزگە گۆش بېرىدۇ؟ مىسىردا پاراۋان ياشىغانىدۇق!› دەپ ۋايساشلىرىڭلار مېنىڭ قۇلىقىمغا يەتتى. مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە گۆش بېرىمەن، ئۇنى چوقۇم يەيسىلەر. بىر-ئىككى كۈن ئەمەس، ياكى بەش-ئون كۈن، ھەتتا يىگىرمە كۈنمۇ ئەمەس، پۈتۈن بىر ئاي، كۆز-قۇلىقىڭلاردىن تېشىپ چىققۇچە، كۆڭلۈڭلارغا تەگكۈچە يەيسىلەر. چۈنكى سىلەر ‹مىسىردىن ئايرىلمىساق بوپتىكەن› دەپ زارلىنىپ، ئاراڭلاردىكى مەن پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈدۈڭلار.» مۇسا پەرۋەردىگارغا: _ مېنىڭ ئەتراپىمدىكى خەلقنىڭ ئەرلىرى ئالتە يۈز مىڭدىن ئاشىدۇ. لېكىن سەن: «ئۇلارغا بىر ئاي يەتكۈدەك گۆش بېرىمەن» دېدىڭ. ئۇلارنى تويدۇرۇشقا يەتكۈدەك ئۇنچىۋالا كۆپ قوي، كالىلارنى نەدىن تاپقىلى بولار؟ ئۇلارغا دېڭىزدىكى بېلىقلارمۇ يەتمەسمىكىن؟! _ دېدى. پەرۋەردىگار مۇساغا: _ مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىم شۇنچىلىك چەكلىك دەپ ئويلامسەن؟ سەن سۆزلىرىمنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ناھايىتى تېزلا كۆرىسەن! _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى خالايىققا يەتكۈزدى. ئۇ كۆپچىلىك ئىچىدىن يەتمىش ئاقساقالنى تاللاپ، ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ چۆرىسىگە تۇرغۇزدى. پەرۋەردىگار بۇلۇت ئىچىدە چۈشۈپ، مۇسا بىلەن سۆزلەشتى ۋە مۇساغا ئاتا قىلىنغان روھتىن يەتمىش ئاقساقالغىمۇ ئاتا قىلدى. روھ ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا چۈشۈشى بىلەنلا، ئۇلار ئەس-ھوشىنى يوقاتقان ھالدا زىكىر قىلغىلى تۇردى. لېكىن بۇنداق زىكىر قىلىش قايتا تەكرارلانمىدى. ئاقساقاللار ئىچىدىكى ئەلداد ۋە مېداد ئىسىملىك ئىككى ئاقساقال ئۇچرىشىش چېدىرىغا بارماي قارارگاھلىرىدا قالغانىدى، ئۇ يەردە ئۇلارغىمۇ روھ چۈشتى. ئۇلارمۇ زىكىر قىلىشتى. مەلۇم بىر يىگىت مۇسانىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئەلداد بىلەن مېدادنىڭ ئىشلىرىنى ئۇنىڭغا مەلۇم قىلدى. بۇ چاغدا ياش ۋاقتىدىن بۇيان مۇسانىڭ ياردەمچىسى بولۇپ كەلگەن نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا مۇساغا: _ تەقسىر، ئۇلارنى توسۇۋالغايسىز؟ _ دېدى. مۇسا ئۇنىڭغا: _ سەن مېنىڭ ئورنۇمدىن ئەنسىرەۋاتامسەن؟ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز روھىنى پۈتۈن خەلققە ئاتا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پەيغەمبەر بولۇشنى خالايتتىم، _ دەپ جاۋاب بەردى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا ۋە ئىسرائىللارنىڭ يەتمىش ئاقساقىلى قارارگاھلىرىغا قايتىپ كەتتى. پەرۋەردىگار شامال چىقاردى ۋە شامال بىلەن تەڭ توپ-توپ بۆدۈنىلەرنى دېڭىز تەرەپتىن ئۇچۇرۇپ كەلدى. بۆدۈنىلەر بىر مېتىر ئېگىزلىكتە ئۇچقان بولۇپ، قارارگاھنىڭ ھەممە تەرىپىنى بىر كۈنلۈك يول يىراقلىققىچە قاپلاپ كەتكەنىدى. كىشىلەر ئەتىگەندىن كەچكىچە ۋە كېچىسى بۆدۈنە تۇتقىلى كىرىشىپ كەتتى. ئەتىسىمۇ يەنە پۈتۈن بىر كۈن بۆدۈنە تۇتتى. ھەربىر ئادەم ئاز دېگەندە ئەللىك سېۋەتتىن تۇتۇشتى. ئۇلار بۆدۈنىلەرنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن چېدىرلارنىڭ ئەتراپىغا يېيىپ قويۇشتى. كۆپچىلىك گۆشلىرىنى تېخى يەپ تۈگىتىپ بولالمىغاندا، پەرۋەردىگار ئۇلارغا غەزىپىنى ياغدۇرۇپ، ئەجەللىك ۋابا تارقاتتى. بۇ يەرگە نەپسى يامانلار دەپنە قىلىنغاچقا، ئۇ يەر قىبروت-ھاتتائاۋا [مەنىسى «نەپسى يامانلارنىڭ قەبرىستانلىقى»] دەپ ئاتالدى. ئىسرائىل خەلقى قىبروت-ھاتتائاۋادىن خازېروت دېگەن يەرگە كۆچۈپ بېرىپ، ئۇ يەردە تۇردى. مۇسا كۇشتىن كەلگەن ئايالغا ئۆيلەنگەنلىكى ئۈچۈن، مەريەم بىلەن ھارۇن ئۇنىڭغا قارشى سۆزلەرنى قىلىشتى. ئۇلار: _ پەرۋەردىگار يالغۇز مۇسا ئارقىلىقلا سۆزلەرمۇ؟! ئەجەبا، ئۇ بىز ئارقىلىقمۇ سۆز قىلماسمۇ؟ _ دېيىشتى. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىدى. (مۇسا شۇنچىلىك كەمتەر كىشى بولۇپ، يەر يۈزىدىن ئۇنىڭدەك كەمتەر كىشىنى تاپقىلى بولمايتتى.) بىردىنلا پەرۋەردىگار مۇسا، ھارۇن ۋە مەريەمگە: _ ئۈچۈڭلار ئۇچرىشىش چېدىرىغا كېلىڭلار! _ دەپ ئەمر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۈچىلىسى ئۇچرىشىش چېدىرىغا كېلىشتى. پەرۋەردىگار بۇلۇت تۈۋرۈكىنىڭ ئىچىدىن چۈشۈپ، چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئالدىدا تۇردى ۋە ھارۇن بىلەن مەريەمنى چاقىردى. ئۇلار ئالدىغا مېڭىشىغا، پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئاراڭلاردا مەن ئەۋەتكەن پەيغەمبەر بولسا، مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى غايىبانە ئالامەتتە زاھىر قىلىمەن ياكى چۈشىدە ئۇنىڭغا سۆزلەيمەن. لېكىن خىزمەتكارىم مۇساغا باشقىچە سۆزلەيمەن، ئۇ پۈتۈن خەلقىم ئارىسىدا ھەممىدىن سادىقتۇر. مەن ئۇنىڭغا يۈزتۇرانە سۆزلەيمەن، يوشۇرۇن مەنىلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى ئېنىق قىلىپ سۆزلەيمەن. ئۇ سىياقىمنى كۆرىدۇ. ۋاھالەنكى سىلەر قانداق قىلىپ ئۇنىڭغا قارشى سۆزلەشكە پېتىندىڭلار؟ پەرۋەردىگار ئۇلارغا ئاچچىقلىنىپ، كېتىپ قالدى. بۇلۇت چېدىر ئۈستىدىن كۆتۈرۈلۈشىگىلا، مەريەمنى قاردەك ئاپئاق تېرە كېسىلى قاپلىدى. ھارۇن مەريەمگە بۇرۇلۇپ، مەريەمگە تېرە كېسىلى چىققانلىقىنى كۆردى. ئۇ مۇساغا يالۋۇرۇپ: _ ئەي ھەزرىتىم، بىز ئەخمەقلىق قىلىپ گۇناھ قىلدۇق، گۇناھىمىزدىن كېچىشلىرىنى ئۆتۈنىمەن. مەريەم ھەرگىزمۇ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن ئۆلۈك تۇغۇلغان، يېرىمى چىرىپ كەتكەن ھامىلىگە ئوخشاپ قالمىسۇن! _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ: _ ئى خۇدا، ئۇنىڭغا شىپالىق بەرگەيسەن! _ دېدى. پەرۋەردىگار مۇساغا جاۋابەن: _ مۇبادا ئۇنىڭ ئاتىسى ئۇنىڭ يۈزىگە تۈكۈرسە، ئۇ يەتتە كۈنگىچە شەرمەندە بولماسمىدى؟! ئۇنى قارارگاھتىن يەتتە كۈن چىقىرىۋېتىڭلار. ئاندىن ئۇنى قايتۇرۇپ كەلسەڭلار بولىدۇ، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەريەم قارارگاھ سىرتىدا يەتتە كۈن تۇردى. تاكى ئۇ قايتۇرۇپ كېلىنگۈچە، خالايىق ھېچ يەرگە كۆچمىدى. كېيىن خەلق خازېروتتىن قوزغىلىپ، پاران چۆلىگە كېلىپ قارارگاھ تىكتى. پەرۋەردىگار مۇساغا: _ ئەجدادلىرىڭلارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ ھەربىر قەبىلە باشلىقلىرى ئىچىدىن بىردىن كىشىنى تاللاپ، مەن سىلەرگە ئاتا قىلغان كەنئان زېمىنىنى چارلاشقا ئەۋەتكىن، _ دېدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە مۇسا پاران چۆلىدىن ئۇلارنى يولغا سالدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسرائىللارنىڭ باشلىقلىرى ئىدى. تۆۋەندىكىلەر ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىدۇر: رۇبېن قەبىلىسىدىن: زاككۇرنىڭ ئوغلى شاممۇۋا، شىمون قەبىلىسىدىن: خورىنىڭ ئوغلى شافات، يەھۇدا قەبىلىسىدىن: يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب، ئىسساكار قەبىلىسىدىن: يۈسۈپنىڭ ئوغلى يىگال، ئەفرايىم قەبىلىسىدىن: نۇننىڭ ئوغلى ھوشىيا، بىنيامىن قەبىلىسىدىن: رافۇنىڭ ئوغلى پالتى، زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن: سودىنىڭ ئوغلى گاددىئېل، يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسە قەبىلىسىدىن: سۇسىنىڭ ئوغلى گاد، دان قەبىلسىدىن: گىماللىنىڭ ئوغلى ئاممىئېل، ئاشېر قەبىلىسىدىن: مىكائىلنىڭ ئوغلى سېتۇر، نافتالى قەبىلىسىدىن: ۋوفسىنىڭ ئوغلى ناخبى، گاد قەبىلىسىدىن: ماكىنىڭ ئوغلى گىئۇئېل. بۇلار مۇسا كەنئان زېمىنىنى چارلاشقا ئەۋەتكەن كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرىدۇر. مۇسا نۇننىڭ ئوغلى ھوشىياغا [مەنىسى «ياردەم»] يوشۇۋا [مەنىسى «پەرۋەردىگار ياردەم قىلىدۇ»] دېگەن ئىسىمنى قويۇپ بەردى. مۇسا ئۇلارنى كەنئان زېمىنىنى چارلاشقا ئەۋەتىپ، مۇنداق دېدى: _ نەگېب چۆللۈكىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، تاغلىق رايونغا كىرىڭلار. ئۇ يەرلەرنىڭ قانداقلىقىنى كۆرۈڭلار ۋە ئۇ جايدا ياشايدىغان ئەللەرنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىزلىقىنى، ئاز ياكى كۆپلۈكىنى بىلىڭلار. ئۇلار ياشايدىغان زېمىن ياخشىمۇ-يامانمۇ؟ ئۇلار ياشايدىغان شەھەرلەرنىڭ سېپىللىرى بارمۇ-يوق؟ تۇپرىقى مۇنبەتمۇ ياكى قاقاسمۇ؟ ئۇ يەرلەردە دەل-دەرەخلەر بارمۇ-يوق؟ ئامال قىلىپ ئۇ يەرلەرنىڭ مېۋىسىدىن ئالغاچ كېلىڭلار. ئۇ دەل دەسلەپكى ئۈزۈمنىڭ پىشىدىغان پەسلى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار چارلاپ شىمالغا قاراپ ماڭدى. جەنۇب تەرەپتىكى زىن چۆلىدىن تارتىپ تاكى شىمال تەرەپتىكى لىبو-خامات يېنىدىكى رىخوب شەھىرىگىچە باردى. ئۇلار دەسلەپ نەگېب چۆللۈكىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، ھىبرون شەھىرىگە كەلدى. ئۇ يەردە ئاناقنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئاخىمان، شېشاي ۋە تالمايلار ياشايتتى. (ھىبرون مىسىردىكى زوئان شەھىرىدىن يەتتە يىل ئىلگىرى بىنا قىلىنغانىدى.) ئۇلار ئەشكول جىلغىسىغا كەلگەندە، ئۈزۈم باراڭلىرىدىن بىر ساپاق ئۈزۈمنى شېخى بىلەن كېسىۋالدى. ئۇنى خادىغا ئېسىپ كۆتۈرۈپ كېلىشتى، ئۇنىڭغا قوشۇپ ئازراق ئانار ۋە ئەنجۈرلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئىسرائىللار ئۇ يەردىن بىر ساپاق ئۈزۈم ئېلىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ يەر ئەشكول جىلغىسى [مەنىسى «ئۈزۈم ساپىقى جىلغىسى»] دەپ ئاتالدى. قىرىق كۈندىن كېيىن ئۇلار كەنئان زېمىنىنى چارلاشتىن قايتىپ كەلدى. ئۇلار مۇسا، ھارۇن ۋە بارلىق ئىسرائىل خەلقى جايلاشقان پاران چۆلىدىكى كادېش دېگەن جايغا قايتتى. ئۇلار ئۇ جايدا مۇسا ۋە ھارۇن ھەم ئۇ يەرگە يىغىلغان بارلىق ئىسرائىل خەلقىگە كەنئان زېمىنىنىڭ مېۋىلىرىنى كۆرسەتتى ھەمدە مۇساغا مۇنداق دەپ تەسۋىرلەپ بەردى: _ سەن بىزنى ئەۋەتكەن ئاشۇ زېمىنغا ئىچكىرىلەپ كىردۇق. ئۇ يەر ھەقىقەتەنمۇ سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىن ئىكەن. مانا بۇ مېۋىلەر ئاشۇ يەرنىڭ مېۋىلىرى. لېكىن ئۇ جايدا ياشايدىغان ئادەملەر كۈچتۈڭگۈر، شەھەرلىرى مۇستەھكەم ۋە ناھايىتى چوڭ ئىكەن. بىز ئۇ يەردە ھەتتا ئاناقنىڭ ئەۋلادلىرىنىمۇ كۆردۇق. نەگېب چۆللۈكىدە ئامالەكلەر ياشايدىكەن، خىتلار، يىبۇسلار ۋە ئامورلار تاغ رايونلىرىدا ياشايدىكەن. كەنئانلار ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدا ۋە ئىئوردان دەرياسى بويىدا ياشايدىكەن. كالىب مۇسانىڭ ئالدىدىكى كىشىلەرنى تىنچلاندۇرۇپ، مۇنداق خىتاب قىلدى: _ بىز ئاتلىنىپ ئۇ زېمىننىڭ ئىگىدارلىقىنى چوقۇم ئېلىشىمىز كېرەك، بىز جەزمەن شۇنداق قىلالايمىز. لېكىن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بارغان كىشىلەر: _ بىز ئۇلارغا ھۇجۇم قىلالمايمىز، ئۇلار بىزدىن كۈچلۈك، _ دېيىشتى. ئۇلار ئۆزلىرى چارلىغان زېمىن ھەققىدە ئۆسەك سۆزلەرنى تارقىتىشىپ، مۇنداق دېيىشتى: _ بىز چارلىغان ئۇ يەرلەر ئادەم يەيدىغان يەر ئىكەن. بىز ئۇ يەردە كۆرگەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسى شۇنداق ھەيۋەتلىك بولۇپ، بىز ئۇ يەردە نىفىللارنى كۆردۇق (ئۇلار ئاناقنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر). بىز ئۆزىمىزنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا چېكەتكىدەك ھېس قىلدۇق ھەم ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بىز چېكەتكىدەك ئىدۇق. ئۇ كېچە پۈتۈن جامائەت زارلىنىپ ۋارقىراشتى ۋە قاتتىق يىغلاشتى. ئىسرائىل خەلقى مۇسا ۋە ھارۇندىن ئاغرىنىپ، ئۇلارغا: _ مىسىردا ئۆلگەن بولساق، ياكى مۇشۇ چۆلدە ئۆلگەن بولساق ئوبدان بولار ئىكەندۇق. پەرۋەردىگار نېمە ئۈچۈن بىزنى بۇ زېمىنغا باشلاپ كېلىپ، قىلىچ ئاستىدا يىقىلىشقا بۇيرۇيدۇ؟ ئەمدىلىكتە خوتۇن-بالىلىرىمىز بۇلاڭ-تالاڭغا قالىدىغان بولدى. ئۇنىڭدىن كۆرە مىسىرغا قايتىپ كەتكىنىمىز ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟! _ دېدى. ئاندىن بىر-بىرىگە: _ بىز بىر باشلامچى تاللاپ، مىسىرغا قايتايلى، _ دېيىشتى. مۇسا بىلەن ھارۇن ئۇ يەرگە يىغىلغان پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتىنىڭ ئالدىدا ئۆزلىرىنى يەرگە تاشلاپ، باشلىرىنى يەرگە قويۇشتى. كەنئان زېمىنىنى چارلاشقا بارغانلاردىن نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ۋە يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب كىيىملىرىنى يىرتىشىپ، پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتىگە: _ بىز كېزىپ كۆرۈپ كەلگەن ئۇ زېمىن ناھايىتى مۇنبەت ئىكەن. ئەگەر پەرۋەردىگار بىزدىن خۇرسەن بولسا، بىزنى ئۇ زېمىنغا باشلاپ كىرىدۇ ھەمدە ئاشۇ سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىننى بىزگە ئاتا قىلىدۇ. پەرۋەردىگارغا ھەرگىز ئاسىيلىق قىلماڭلار! ئۇ جاينىڭ ئادەملىرىدىن قورقماڭلار. چۈنكى بىز ئۇلارنى چايناپ پۈركۈپ تاشلايمىز. ئۇلارنىڭ پاناھى يوق، لېكىن پەرۋەردىگار بىزگە يار بولىدۇ. ئۇلاردىن قورقماڭلار، _ دېيىشتى. ئەمما يىغىلغان پۈتۈن جامائەت: «ئۇلارنى چالما-كېسەك قىلايلى» دېيىشتى. شۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى ئۇچرىشىش چېدىرىدىن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە نامايان بولدى. پەرۋەردىگار مۇساغا: _ بۇ كىشىلەر مېنى قاچانغىچە مەنسىتمەيدۇ؟ مەن ئۇلارغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلەرنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ، قاچانغىچە ماڭا ئىشەنمەيدۇ؟ ئەمدى مەن ئۇلارنى ۋابا بىلەن يىقىتىمەن، ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن. لېكىن سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئۇلاردىنمۇ بۈيۈك ۋە كۈچلۈك بىر خەلق قىلىمەن، _ دېدى. مۇسا پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى: _ ئۇلارنى ھالاك قىلىۋەتسەڭ، مىسىرلىقلار بۇ ئىشتىن چوقۇم خەۋەر تاپىدۇ! ئۆز كۈچ-قۇدرىتىڭ بىلەن بۇ خەلقنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئېلىپ چىققانىدىڭ. ئۇلار كەنئان زېمىنىدىكى ئاھالىلەرگە بۇ ھەقتە سۆزلەپ بېرىدۇ. ئۇ زېمىندىكى ئاھالىلەر سەن توغرۇلۇق ئاللىقاچان ئاڭلىغان. ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ بۇ خەلق بىلەن بىللە ئىكەنلىكىڭنى، سېنىڭ خەلقىڭ ئارىسىدا يۈزتۇرانە زاھىر بولغانلىقىڭنى، بۇلۇتۇڭنىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدىغانلىقىنى، سېنىڭ كۈندۈزى بۇلۇت تۈۋرۈكى ئىچىدە، كېچىسى ئوت تۈۋرۈكى ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغانلىقىڭنى ئاڭلىغان. ئەگەر سەن بۇ خەلقنىڭ ھەممىسىنى بىراقلا ھالاك قىلىۋەتسەڭ، سېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇڭدىن خەۋەردار بولغان ئەللەر چوقۇم: «پەرۋەردىگار ئۇ خەلقنى ئاشۇ زېمىنغا ئېلىپ كىرىشكە ۋەدە قىلغان، لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ قۇربىتى يەتمەپتۇ، شۇڭلاشقا ئۇلارنى چۆلدە قىرغىن قىلىپتۇ» دەيدۇ. ئى ئىگەم، ئەمدى ئۆز كۈچ-قۇدرىتىڭنى كۆرسەتكەيسەن. خۇددى ئۆزۈڭ ئېيتقاندەك، سەن پەرۋەردىگار ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيسەن، مېھىر-مۇھەببىتىڭ چەكسىزدۇر، گۇناھ ۋە ئاسىيلىقلارنى كەچۈرۈم قىلىسەن. لېكىن سەن گۇناھكارلارنى جازالىماي قويمايسەن، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى تاكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ئەۋلادىغىچە جازالايسەن. سەن مىسىردىن چىققاندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە ئۆز خەلقىڭنى كەچۈرگىنىڭگە ئوخشاش، ئۇلۇغ مېھىر-مۇھەببىتىڭ بىلەن بۇ خەلقنىڭ گۇناھىنى كەچۈرگەيسەن. پەرۋەردىگار بۇنىڭغا جاۋابەن: _ ئۆتۈنۈشۈڭنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى كەچۈردۈم. شۇنداقتىمۇ مەڭگۈلۈك ھاياتىم بىلەن ۋە پۈتۈن يەر-زېمىنغا تولىدىغان ئۇلۇغلۇقۇم بىلەن شۇنى قەسەم قىلىمەنكى، مېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇمنى، مىسىردا ھەم چۆلدە كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىمنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ مېنى ئون قېتىم سىنىغان، ماڭا ئىتائەت قىلمىغان بۇ خەلق مەن ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا ۋەدە قىلغان زېمىننى ھەرگىز كۆرەلمەيدۇ. مېنى مەنسىتمىگەن ھەرقانداق بىر ئادەم ئۇ يەرنى كۆرەلمەيدۇ. لېكىن مېنىڭ خىزمەتكارىم كالىب ئۇلارغا ئوخشىمايدۇ، ئۇ پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭا ئەگەشتى. مەن ئۇنى ئۇ بېرىپ باققان ئاشۇ زېمىنغا باشلاپ كىرىمەن. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ بۇ زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ. لېكىن ھازىر ئامالەكلەر ۋە كەنئانلار ئۇ يەردىكى جىلغىلاردا تۇرىدۇ. شۇڭا سىلەر ئەتە ئارقاڭلارغا قايتىپ، قىزىل دېڭىز تەرەپتىكى چۆللۈككە بېرىڭلار، _ دېدى. پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا يەنە مۇنداق دېدى: _ بۇ رەزىل خەلق قاچانغىچە ماڭا نارازىلىق قىلىدۇ؟ مەن ئىسرائىللارنىڭ شىكايەتلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «مەنكى پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك ھاياتىم بىلەن شۇنداق قەسەم قىلىمەنكى، سىلەرنىڭ ئالدىمدا ئېيتقان ئاشۇ سۆزلىرىڭلارغا بىنائەن مەن بېشىڭلارغا شۇنداق بالا-قازا چۈشۈرەيكى، جەسىتىڭلار مۇشۇ چۆلدە قالسۇن. سەپەردە ماڭا نارازىلىق بىلدۈرگەن يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى رويخەتكە ئېلىنغان ھەربىرىڭلار ئەنە شۇنداق قىسمەتكە دۇچار بولىسىلەر. مەن سىلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشىڭلار ئۈچۈن بېرىشكە ۋەدە قىلغان ئاشۇ زېمىنغا سىلەرنى كىرگۈزمەيمەن. پەقەت يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب ۋە نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ئۇ زېمىنغا كىرەلەيدۇ. سىلەر ‹بۇلاڭ-تالاڭغا قالىدۇ› دېگەن بالىلىرىڭلارنى، سىلەر بېرىشنى رەت قىلغان ئاشۇ زېمىنغا باشلاپ كىرىپ ھۇزۇرلاندۇرىمەن. لېكىن سىلەرنىڭ جەسىتىڭلار چۆلدە قالىدۇ. پەرزەنتلىرىڭلار چۆلدە قىرىق يىل مۇساپىر بولۇپ، سىلەرنىڭ ساداقەتسىزلىكىڭلار تۈپەيلىدىن تاكى سىلەر ئۆلۈپ تۈگىگۈچە ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە ياشايدۇ. بۇ قىرىق يىلنىڭ ھەربىر يىلى سىلەرنىڭ ئۇ زېمىننى چارلاپ كەزگەن قىرىق كۈننىڭ ھەربىر كۈنى ئۈچۈندۇر. سىلەر ئەمدى ئۆز گۇناھىڭلار ئۈچۈن قىرىق يىل ئازاب تارتىسىلەر ۋە مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە قارشى تۇرسام، ئاقىۋىتىڭلارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر. مەن پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە شۇنداق دەپ ئېيتىمەنكى، مۇشۇ چۆلدە بىرلىشىپ ماڭا قارشى تۇرغان بۇ پۈتۈن رەزىل خەلققە ئېيتقانلىرىمنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. ئۇلار بۇ چۆلدە ئۆز ئاخىرىتىنى كۆرىدۇ، بۇ جايدا ئۆلىدۇ». مۇسا كەنئاننى چارلاشقا ئەۋەتكەن ئاشۇ ئادەملەر قايتىپ كېلىپ، شۇ زېمىن ھەققىدە يامان مەلۇماتلارنى تارقاتتى. نەتىجىدە ئۇلار پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنىڭ مۇساغا قارشى شىكايەت قىلىشىغا سەۋەبچى بولدى. شۇڭا پەرۋەردىگار بۇ ئادەملەرگە ۋابا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى ھالاك قىلدى. چارلاشقا بارغانلاردىن پەقەت نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ۋە يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىبلا ئامان قالدى. مۇسا بۇ ئىشلارنى ئىسرائىللارغا خەۋەر قىلغاندا، ئىسرائىل خەلقى قاتتىق قايغۇرۇشتى. ئەتىسى سەھەردە ئۇلار تاغلىق رايونلارغا چىقىشقا تەييارلىنىپ، «بىز گۇناھ قىلدۇق، بىز ئەمدى پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغان زېمىنغا بارىمىز» دېيىشتى. لېكىن مۇسا ئۇلارغا: _ سىلەر نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىسىلەر؟ ئەمدى سىلەر ھېچ نېمىگە ئېرىشەلمەيسىلەر. ئۇ يەرگە بارماڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرگە يار ئەمەس، سىلەر دۈشمىنىڭلار تەرىپىدىن مەغلۇپ بولىسىلەر. ئامالەكلەر ۋە كەنئانلار ئۇ يەردە سىلەرگە قارشى چىقىدۇ، ئۇلارنىڭ قىلىچى ئاستىدا ئۆلىسىلەر! چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈدۈڭلار، پەرۋەردىگار سىلەرگە يار بولمايدۇ، _ دېدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇلار يەنىلا ئۆزلۈكىدىن تاغلىق رايونلارغا چىقىپ كېتىشتى. لېكىن مۇسا ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى قارارگاھتا قالدى. تاغلاردا ياشايدىغان ئامالەكلەر ۋە كەنئانلار تاغلاردىن چۈشۈپ، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ تاكى خورماھقا بارغۇچە قوغلاپ زەربە بەردى. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىل خەلقىگە بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ئاتا قىلماقچى بولغان زېمىنغا كىرىپ ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، ماڭا مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيەلەر سۇنغاندا، مەيلى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى باشقا قۇربانلىق ئۈچۈن بولسۇن، قەسىمىڭلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياكى خالىس قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ياكى ھېيتلىرىڭلار ئۈچۈن قىلىنىدىغان قۇربانلىق بولسۇن، كالا ياكى قوي-ئۆچكىلەرنى ئېلىپ كېلىپ، مېنىڭ ئېيتقىنىم بويىچە قۇربانلىق قىلىڭلار. قوي قۇربانلىق قىلىدىغانلار ئۇنىڭغا قوشۇپ، بىر كىلو سۈپەتلىك ئۇنغا بىر لىتىر زەيتۇن يېغىنى قۇيۇپ، ئاشلىق ھەدىيەسى قىلسۇن ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسى ئۈچۈن بىر لىتىر شاراب سۇنسۇن. قوچقار قۇربانلىق قىلىدىغانلار ئۇنىڭغا قوشۇپ، ئىككى كىلو سۈپەتلىك ئۇنغا بىر يېرىم لىتىر زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇپ، ئاشلىق ھەدىيەسى قىلسۇن ۋە بىر يېرىم لىتىر شارابنى ئىچىملىك ھەدىيەسى قىلسۇن. بۇ مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ۋە مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق قۇربانلىق بولىدۇ. قىلغان قەسىمىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياكى ماڭا ئاتاپ ئامانلىق قۇربانلىقى سۇنۇش ئۈچۈن بىر بۇقىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى باشقا قۇربانلىق قىلغاندا، بۇقىغا قوشۇپ، ئۈچ كىلو سۈپەتلىك ئۇنغا ئىككى لىتىر زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇپ، ئاشلىق ھەدىيەسى قىلسۇن ۋە ئىككى لىتىر شاراب بىلەن ئىچىملىك ھەدىيەسى قىلسۇن. بۇ مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ۋە مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق قۇربانلىق بولىدۇ. بۇقا، قوچقار، قوي ياكى ئۆچكە قۇربانلىق قىلغاندا، قۇربانلىق قىلىنغان چارۋا مالنىڭ تۈرى ۋە سانىنىڭ نىسبىتى بويىچە قوشۇمچە ھەدىيەلەرنى سۇنسۇن. ئىسرائىل خەلقىدىن بولغان ھەربىر ئادەم مەن پەرۋەردىگارغا مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق قۇربانلىق كۆيدۈرگەندە، مانا مۇشۇ قائىدىلەرگە ئەمەل قىلسۇن. ئاراڭلاردا ياشاپ كەلگەن ياكى ۋاقتىنچە تۇرۇۋاتقان يات خەلقلەر مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق قۇربانلىق سۇنماقچى بولسا، سىلەر قانداق قىلغان بولساڭلار ئۇلارمۇ شۇنداق قىلسۇن. ئىسرائىللار ۋە ئاراڭلاردا ياشايدىغان يات خەلقلەر ئۈچۈن بۇ بەلگىلىمە ئوخشاشتۇر. بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەمەل قىلىڭلار. يات خەلقلەر مەنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سىلەر بىلەن ئوخشاشتۇر. ئاراڭلاردا ياشايدىغان يات خەلقلەرگىمۇ بۇ قانۇن ۋە قائىدە ئوخشاشتۇر.» پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىل خەلقىگە بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «مەن پەرۋەردىگار سىلەرنى يېتەكلەپ ئېلىپ بارماقچى بولغان زېمىنغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇ زېمىننىڭ نېمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولغىنىڭلاردا، بىر قىسمىنى ھەدىيە سۈپىتىدە مەن پەرۋەردىگارغا سۇنۇڭلار. دەسلەپ پىشقان دانلىق زىرائەتنىڭ ئۇنىدىن توقاچ پىشۇرۇپ، خاماندىن كەلگەن ھەدىيە سۈپىتىدە مەن پەرۋەردىگارغا سۇنۇڭلار. دەسلەپ پىشقان دانلىق زىرائەتتىن مەن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە سۇنۇڭلار. بۇ قائىدىلەرنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە داۋاملاشتۇرۇڭلار.» ۋە بۇنى جامائەت بىلمەي، بىخەستەلىكتىن قىلىپ سالغان بولسا، ئۇنداقتا پۈتۈن جامائەت بىر بۇقىنى ئېلىپ كېلىپ، مەن پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلسۇن. بۇ مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ۋە مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق قۇربانلىق بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قائىدە بويىچە ئاشلىق ھەدىيەسى، ئىچىملىك ھەدىيەسى سۇنسۇن ۋە بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن سۇنسۇن. شۇنداق قىلىپ، روھانىيلار پۈتۈن جامائەتنى گۇناھتىن ساقىت قىلىدۇ، ئۇلار كەچۈرۈلىدۇ. چۈنكى بۇ گۇناھ بىلمەسلىكتىن بولغان ھەمدە ئۇلار ئۆز خاتالىقى ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە ۋە گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۇنغان. پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتى ۋە ئۇ يەردە ياشايدىغان يات خەلقلەرمۇ كەچۈرۈلىدۇ، چۈنكى ئۇلار بىخەستەلىكتىن خاتالىق ئۆتكۈزگەن. ئەگەر بىرەر كىشى بىخەستەلىكتىن گۇناھ سادىر قىلغان بولسا، ئۇ بىر ياشلىق چىشى ئۆچكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە قۇربانلىق قىلسۇن. روھانىيلار بىخەستەلىكتىن گۇناھ قىلغان كىشىنى مەن پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا گۇناھتىن ساقىت قىلىدۇ ۋە ئۇ كىشى كەچۈرۈلىدۇ. مەيلى ئىسرائىللار ياكى ئۇ يەردە ياشاۋاتقان يات خەلقلەر بولسۇن، بىخەستەلىكتىن گۇناھ سادىر قىلغان بولسا، ئوخشاش قائىدىگە ئەمەل قىلسۇن. ئەمما كىمدەكىم بىلىپ تۇرۇپ قەستەن گۇناھ سادىر قىلسا، مەيلى ئۇ ئىسرائىل خەلقىدىن بولسۇن ياكى يات خەلقلەردىن بولسۇن، پەرۋەردىگارغا كۇپۇرلۇق قىلغان بولىدۇ. بۇنداق ئادەم خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. ئۇلار مەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى كەمسىتىپ، مېنىڭ ئەمرىمگە قەستەن خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، چوقۇم خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن! ئۇ ئۆز گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتسۇن.» ئىسرائىللار چۆلدىكى ۋاقىتتا بىر كىشىنىڭ دەم ئېلىش كۈنىدە ئوتۇن تېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى. ئۇنىڭ ئوتۇن تېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالغان كىشىلەر ئۇنى مۇسا، ھارۇن ۋە پۈتۈن جامائەتنىڭ ئالدىغا باشلاپ باردى. بىراق ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش تېخى ئېنىق بولمىغاچقا، ئۇنى نەزەربەندكە ئالدى. پەرۋەردىگار مۇساغا: _ بۇ كىشى جەزمەن ئۆلتۈرۈلسۇن. جامائەت ئۇنى قارارگاھ سىرتىدا چالما-كېسەك قىلسۇن، _ دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن جامائەت ئۇنى قارارگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىل خەلقىگە بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە كىيىمىڭلارنىڭ ئېتىكىگە چۇچا ئېسىڭلار. ھەربىر چۇچىغا بىر تال كۆك يىپ تىكىلسۇن. ھەر قېتىم بۇ چۇچىلارنى كۆرگىنىڭلاردا، مەن پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمرلىرىمنى ئېسىڭلارغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشىڭلارنى يادىڭلارغا سالىدۇ. شۇنداق بولغاندا سىلەر ئۆز ئارزۇ-ھەۋەسلىرىڭلارنىڭ كەينىگە كىرمەيسىلەر، ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلمايسىلەر. شۇنداق قىلىپ سىلەر مەن پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمرلىرىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇپ، ماڭا ئىتائەت قىلىسىلەر ۋە مەن خۇدايىڭلارغا ئاتالغان بولىسىلەر. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. سىلەرنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتىم. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.» لاۋىينىڭ ئەۋرىسى، قوھاتنىڭ نەۋرىسى، يىزھارنىڭ ئوغلى بولغان كوراھ رۇبېننىڭ قەبىلىسىدىن ئەلىئابنىڭ ئوغۇللىرى داتان ھەم ئابىرام ۋە پەلەتنىڭ ئوغلى ئونلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، مۇساغا قارشى تۇردى. ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىدىن 250 ئادەم ئۇلارغا قوشۇلدى. ئۇلار جامائەتتىن تاللانغان ئابرۇيلۇق كىشىلەر ئىدى. ئۇلار بىرلىشىپ مۇسا ۋە ھارۇنغا: _ سىلەر ھەددىڭلاردىن بەك ئېشىپ كەتتىڭلار! ئىسرائىل خەلقىنىڭ ھەربىر ئادىمى پەرۋەردىگارغا ئاتالغاندۇر، پەرۋەردىگار ئۇلار بىلەنمۇ بىللىدۇر. شۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر نېمە ئۈچۈن ئۆزۈڭلارنى چوڭ تۇتۇپ، ئۆزۈڭلارنى پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىدىن ئۈستۈن قىلىۋالىسىلەر؟ _ دېيىشتى. مۇسا بۇنى ئاڭلاپ، ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ، بېشىنى يەرگە قويدى، ئاندىن كوراھ ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىگە: _ ئەتە سەھەردە پەرۋەردىگار كىمنىڭ ئۆزىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، كىمنىڭ ئۆزىگە ئاتالغانلىقىنى ۋە كىمنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىغا بارسا بولىدىغانلىقىنى ئايان قىلىدۇ. ئۇ ئۆزى تاللىغان ئادەمنىڭ ئۆزىگە يېقىنلىشىشىغا ئىجازەت بېرىدۇ. كوراھ، سەن شېرىكلىرىڭ بىلەن مۇنداق قىلغىن: ھەربىرىڭلار ئىسرىقدان ئېلىپ كېلىپ، ئەتە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇنىڭغا چوغ سېلىپ، ئىسرىق سېلىڭلار. پەرۋەردىگار كىمنى تاللىسا شۇ ئۇنىڭغا ئاتالغان بولىدۇ. سىلەر لاۋىيلار ھەددىڭلاردىن بەك ئاشتىڭلار! _ دېدى. مۇسا يەنە كوراھقا مۇنداق دېدى: _ ئەي لاۋىيلار، سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار! ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى باشقا ئىسرائىللاردىن ئايرىۋېلىپ، سىلەرنى ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئىبادەت چېدىرىدا خىزمەت قىلدۇرۇشى، پۈتۈن جامائەتنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا تاللىشى يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟ ئەي كوراھ، پەرۋەردىگار سېنى ۋە باشقا لاۋىيلارنى ئۆزىگە يېقىن تۇتۇپ كەلدى. لېكىن سىلەر ئەمدى روھانىيلىقنىمۇ تالاشماقچىمۇ؟ سەن ۋە سېنىڭ شېرىكلىرىڭنىڭ بىرلىشىپ قارشى تۇرغىنى ھارۇن بولماستىن ئەمەلىيەتتە پەرۋەردىگاردۇر! مۇسا ئەلىئابنىڭ ئوغۇللىرى داتان ۋە ئابىرامنى چاقىرتتى. لېكىن ئۇلار: _ بىز بارمايمىز! سەن بىزنى سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىندىن ئېلىپ چىقىپ مۇشۇ چۆلدە ئۆلتۈرمەكچىمۇ؟ ئەجەبا، بۇ يەتمەمدۇ؟ ھازىر سەن يەنە ئۆزۈڭنى پادىشاھتەك كۆرۈپ بىزنى باشقۇرماقچىمۇ؟ يەنە كېلىپ سەن بىزنى سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا باشلاپ كىرمىدىڭ ياكى ۋەدە قىلغىنىڭدەك ئېكىنزارلىق ۋە ئۈزۈمزارلىقمۇ بەرمىدىڭ. سەن كۆزلىرىمىزنى باغلاپ، بىزنى يەنە داۋاملىق ئالدىماقچىمۇ؟ ياق! بىز بارمايمىز! _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا ناھايىتى ئاچچىقلاندى ۋە پەرۋەردىگارغا: _ ئۇلارنىڭ ھەرقانداق ھەدىيەلىرىنى قوبۇل قىلمىغىن. مەن ئۇلارنىڭ بىر تۇياق ئېشىكىنىمۇ ئېلىپ باقمىدىم ياكى ئۇلارنىڭ ھېچبىرىگە زىيانمۇ يەتكۈزمىدىم، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا كوراھقا يەنە: _ ئەتە سەن بارلىق شېرىكلىرىڭ ۋە ھارۇن بىلەن بىرگە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىڭلار. ھەركىم ئۆز ئىسرىقدانلىرىدا ئىسرىق سالسۇن. جەمئىي 250 ئىسرىقدان پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلسۇن. سەن ۋە ھارۇن ئۆز ئىسرىقدانلىرىڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ھەركىم ئۆز ئىسرىقدىنىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭغا چوغ ۋە ئىسرىق تولدۇرۇپ، مۇسا ۋە ھارۇن بىلەن بىللە ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا تۇرۇشتى. كوراھ بارلىق جامائەتنى يىغىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىدا مۇسا ۋە ھارۇنغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تەييارلاندى. پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى پۈتۈن جامائەتكە زاھىر بولدى. پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا: _ سىلەر جامائەتتىن ئايرىلىپ چىقىڭلار. مەن مۇشۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن، _ دېدى. لېكىن مۇسا بىلەن ھارۇن ئۆزلىرىنى يەرگە تاشلاپ، باشلىرىنى يەرگە قويۇشۇپ، نالە قىلدى: _ ئى خۇدا، ئىنسانلارغا ھاياتلىق ئاتا قىلغۇچى خۇدا، بىر ئادەمنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھى ئۈچۈن پۈتۈن جامائەتكە غەزەپلىنەمسەن؟ پەرۋەردىگار مۇساغا: _ جامائەتكە ئېيتقىن، ئۇلار كوراھ، داتان ۋە ئابىراملارنىڭ چېدىرلىرىدىن يىراق تۇرسۇن! _ دېدى. مۇسا ئورنىدىن تۇرۇپ، داتان ۋە ئابىراملارنىڭ يېنىغا باردى. ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرى ئۇنىڭغا ئەگەشتى. ئۇ جامائەتنى ئاگاھلاندۇرۇپ: _ بۇ رەزىل كىشىلەرنىڭ چېدىرلىرىدىن يىراق تۇرۇڭلار! ئۇلارنىڭ ھەرقانداق نەرسىسىگە تەگمەڭلار، بولمىسا ئۇلارنىڭ گۇناھىغا سىلەرمۇ چېتىلىپ، بىرلىكتە ۋەيران بولىسىلەر، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كوراھ، داتان ۋە ئابىرامنىڭ چېدىرلىرىدىن يىراقلاشتى. داتان بىلەن ئابىرام ئاياللىرى، پەرزەنتلىرى ۋە كىچىك بالىلىرى بىلەن بىرگە چىقىپ، ئىشىكلىرى ئالدىدا تۇرۇشتى. مۇسا جامائەتكە مۇنداق دېدى: _ مەن قىلغان بارلىق ئىشلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە قىلىۋاتقانلىقىمنى، شەخسىي غەرىزىمنىڭ يوقلۇقىنى تېزلا بىلىپ قالىسىلەر. ئەگەر بۇ كىشىلەر ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلسە، ياكى ئۇلارنىڭ دۇچار بولغىنى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىدەك بولسا، پەرۋەردىگار مېنى ئەۋەتمىگەن بولىدۇ. ئەگەر پەرۋەردىگار بۇرۇن قىلمىغان ئىشتىن بىرنى قىلىپ، يەرنى يېرىپ، ئۇلارنى بارلىق نەرسىلىرى بىلەن بىرگە يەر ئاستىغا، يەنى گۆرگە تىرىكلا ئېلىپ كىرىپ كەتسە، بۇنى ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارنى مەنسىتمىگەنلىكىدىن بولغان، دەپ بىلىڭلار. مۇسا سۆزلىرىنى تۈگىتىپ تۇرۇشىغىلا، ئۇلار دەسسەپ تۇرغان يەر يېرىلىپ، كوراھنىڭ شېرىكلىرى، بالا-چاقىلىرى ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى بىراقلا يالماپ كەتتى. ئۇلار يەر ئاستىغا ئۆزلىرىگە تەۋە بولغان بارلىق نەرسىلىرى بىلەن بىرگە تىرىكلا چۈشۈپ كەتتى. يەر ئەسلىگە قايتقاندا، ئۇلار ئاللىقاچان جامائەت ئارىسىدىن غايىب بولغانىدى. ئۇلارنى چۆرىدەپ تۇرغان بارلىق ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ پەريادلىرىنى ئاڭلاپ، بىزنىمۇ يەر يۇتۇپ كەتمىسۇن دەپ قېچىپ كېتىشتى. پەرۋەردىگار يەنە ئوت چۈشۈرۈپ، ئىسرىق سېلىۋاتقان 250 ئادەمنى كۆيدۈرۈپ ھالاك قىلدى. پەرۋەردىگار مۇساغا: _ روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلئازارغا ئېيتقىن، ئۇ ئىسرىقدانلارنى قالدۇق ئوتنىڭ ئىچىدىن ئېلىۋالسۇن. چۈنكى ئىسرىقدانلار مۇقەددەستۇر. چوغلارنى يىراقراق جايغا چېچىۋەتسۇن. گۇناھى سەۋەبىدىن ھالاك بولغانلارنىڭ ئىسرىقدانلىرىنى سوقۇپ، نېپىزلىتىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۈستىنى قاپلىسۇن، چۈنكى ئىسرىقدانلاردا مەن پەرۋەردىگارغا ئىسرىق كۆيدۈرۈلگەن. ئۇلار مۇقەددەستۇر. ئۇلار ئىسرائىللارغا ئىبرەت بولسۇن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن روھانىي ئەلئازار تۇچ ئىسرىقدانلارنى كۆيۈپ كەتكەن ئادەملەرنىڭ يېنىدىن يىغىۋالدى ھەمدە ئۇلارنى سوقۇپ، نېپىزلىتىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۈستىنى قاپلاتتى. بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارغا، ھارۇننىڭ ئەۋلادىدىن باشقا كىشىلەرنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ ئىسرىق سالسا بولمايدىغانلىقى، بولمىسا ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى كوراھ ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىدەك بولىدىغانلىقلىرى ھەققىدە ئىبرەت بېرىلدى. لېكىن ئىككىنچى كۈنىلا پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى مۇسا ۋە ھارۇنغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: _ سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئادەملىرىنى ئۆلتۈردۈڭلار! _ دېدى. خەلق مۇسا ۋە ھارۇنغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن يىغىلىۋاتقاندا، ئۇلار بىردىنلا ئۇچرىشىش چېدىرىنى بۇلۇتنىڭ ئورىۋالغانلىقىنى كۆرۈشتى. پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى نامايان بولغانىدى. مۇسا بىلەن ھارۇن ئۇچرىشىش چېدىرى ئالدىغا كەلدى. پەرۋەردىگار مۇساغا: _ بۇ جامائەتتىن ئايرىلىپ چىقىڭلار. مەن ئۇلارنى بىراقلا ھالاك قىلىمەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرىنى يەرگە تاشلاپ، باشلىرىنى يەرگە قويۇشتى. مۇسا ھارۇنغا: _ ئىسرىقدىنىڭنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا ئىسرىق قويغىن. قۇربانلىق سۇپىسىدىن چوغ ئېلىپ سالغىن، ئاندىن تېزلىكتە جامائەتنى گۇناھلىرىدىن ساقىت قىلغىن. پەرۋەردىگار قەھر-غەزەپكە كەلدى، ۋابا باشلىنىدىغان بولدى، _ دېدى. ھارۇن مۇسانىڭ دېگىنىدەك قىلىپ، ئىسرىقداننى ئېلىپ جامائەت ئارىسىغا يۈگۈرۈپ باردى. كىشىلەر ئارىسىدا ئاللىقاچان ۋابا تارقىلىشقا باشلىغانىدى. ھارۇن ئىسرىق سېلىپ جامائەتنى گۇناھلىرىدىن ساقىت قىلىپ، ئۆلۈكلەر بىلەن تىرىكلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇردى. شۇ ۋاقىتتا ۋابا توختىدى. لېكىن شۇ كۈنىلا كوراھ سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەردىن باشقا 14,700 ئادەم ۋابا بىلەن جېنىدىن ئايرىلدى. ۋابا توختىغاندىن كېيىن، ھارۇن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇرغان مۇسانىڭ يېنىغا كەلدى. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، ھەربىر قەبىلىنىڭ باشلىقلىرى بىردىن تاياق تەييارلىسۇن، جەمئىي ئون ئىككى تاياق بولسۇن. تاياقلارغا ئۆز قەبىلە ئاقساقاللىرىنىڭ ئىسمى يېزىلسۇن. لاۋىيلارنىڭ تايىقىغا ھارۇننىڭ ئىسمى يېزىلسۇن. ھەربىر قەبىلە ئاقساقىلىنىڭ بىردىن تايىقى بولسۇن. ئۇلارنى سەن ئۇچرىشىش چېدىرى ئىچىدىكى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا، يەنى مەن پەرۋەردىگار سىلەر بىلەن كۆرۈشىدىغان جاينىڭ ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرغىن. كىمنىڭ تايىقى بىخ چىقارسا، مەن تاللىغان كىشى شۇ بولىدۇ. مەن شۇ ئارقىلىق ئىسرائىللارنىڭ سىلەردىن ئاغرىنىشىنى توختىتىمەن. شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئىسرائىللارنىڭ قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ تاياقلىرىنى ئۆزىگە تاپشۇرۇپ بېرىشنى بۇيرۇدى. ھارۇننىڭ تايىقىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ئىدى. جەمئىي ئون ئىككى تاياق ئىدى. مۇسا تاياقلارنى ئەھدە چېدىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا قويدى. ئەتىسى مۇسا ئەھدە ساندۇقى قويۇلغان ئەھدە چېدىرىغا كىرىپ، لاۋىيلارغا تەۋە ھارۇننىڭ تايىقىنىڭ بىخلاپلا قالماي بەلكى غۇنچىلاپ، چېچەكلەپ ھەم باداملىغانلىقىنى كۆردى. مۇسا ھەممە تاياقلارنى ئۇچرىشىش چېدىرىدىن ئېلىپ چىقىپ، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە كۆرسەتتى. ئۇلار بۇنى كۆرۈپ، ھەركىم ئۆز تايىقىنى ئېلىشتى. پەرۋەردىگار مۇساغا: _ ھارۇننىڭ تايىقىنى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا قايتا ئاپىرىپ قويغىن. ئۇ قارشى تۇرغۇچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن شۇ يەردە ساقلانسۇن. ئەمدى ئۇلارنىڭ ماڭا قارشى شىكايەتلىرى توختىسۇن، شۇندىلا ئۇلار ئۆلمەيدۇ، _ دېدى. مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈردى. ئىسرائىل خەلقى مۇساغا: _ بىز ئۆلىدىغان بولدۇق! بىز تۈگەشتۇق، ھەممىمىز تۈگەشتۇق! پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىغا يېقىنلاشقان ھەرقانداق بىرى ئۆلمەي قالمىدى، ئەمدى بىزمۇ ئۆلەرمىزمۇ؟ _ دېيىشتى. پەرۋەردىگار ھارۇنغا مۇنداق دېدى: _ سەن، ئوغۇللىرىڭ ۋە لاۋىي قەبىلىسىدىكى قېرىنداشلىرىڭ ئىبادەت چېدىرى توغرۇلۇق چۈشۈرگەن ئەمرلىرىمگە خىلاپلىق قىلساڭلار، جاۋابكار بولىسىلەر. روھانىيلارنىڭ ۋەزىپىلىرىگە دەخلى قىلىنغان سەۋەنلىكلەرگە پەقەت سەن ۋە ئوغۇللىرىڭلا جاۋابكار بولىسىلەر. سەن ۋە ئوغۇللىرىڭ ئەھدە چېدىرىنىڭ ئالدىدا خىزمەتتە بولغىنىڭلاردا، لاۋىي قەبىلىسىدىكى قېرىنداشلىرىڭلارنى بىرگە ئېلىۋېلىپ، ئۆزۈڭلارغا ياردەملەشتۈرۈڭلار. ئۇلار سېنىڭ ۋە چېدىرنىڭ خىزمىتىدە بولسۇن. لېكىن ئۇلار چېدىرنىڭ ئىچىدىكى مۇقەددەس بۇيۇملارغا ۋە قۇربانلىق سۇپىسىغا يېقىنلاشمىسۇن. بولمىسا، ئۇلار ھەم سىلەر ھالاك بولىسىلەر. ئۇلار ساڭا ياردەملىشىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىغا قاراشقا، چېدىرنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولسۇن. لاۋىيلاردىن باشقىلارنىڭ سىلەرگە يېقىنلىشىشىغا بولمايدۇ. سىلەر ئۇچرىشىش چېدىرى ۋە قۇربانلىق سۇپىسىغا قاراشقا مەسئۇل بولىسىلەر. سىلەر ئۆز مەجبۇرىيىتىڭلارنى ئادا قىلىپ، ئىسرائىللارغا يەنە غەزەپ قىلىشىمدىن ساقلىنىڭلار. مەن پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدىن قېرىنداشلىرىڭ بولغان لاۋىيلارنى تاللاپ، ئۇلارنى ساڭا ياردەمچى قىلىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىغا قاراشقا مەسئۇل قىلدىم. قۇربانلىق سۇپىسى ۋە ئەڭ مۇقەددەس جايغا مۇناسىۋەتلىك روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە پەقەت سەن ۋە ئوغۇللىرىڭ مەسئۇل بولىسىلەر. بۇ سىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىڭلار. چۈنكى مەن روھانىيلىق خىزمىتىنى سىلەرگە ھەدىيە قىلدىم. باشقىلار مۇقەددەس جايغا يېقىن بارسا، چوقۇم ئۆلتۈرۈڭلار. پەرۋەردىگار ھارۇنغا مۇنداق دېدى: _ سېنى ئىسرائىللار ماڭا تەقدىم قىلغان ھەدىيەلەرگە قاراشقا مەسئۇل قىلدىم. ماڭا ئاتالغان ھەدىيەلەرنى ساڭا ۋە ئوغۇللىرىڭغا تەقدىم قىلىپ، سىلەرنىڭ ئېرىشىشكە تېگىشلىك بولغان نېسىۋەڭلار قىلدىم. بۇ سىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈلۈشۈڭلاردۇر. ئىسرائىللار ماڭا ھەدىيە قىلغان ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەردىن مەيلى ئاشلىق ھەدىيەسى بولسۇن، مەيلى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى بولسۇن، مەيلى ئەيىب قۇربانلىقى بولسۇن، ھەممىسىنىڭ كۆيدۈرۈلمىگەن قىسمى ساڭا ۋە ئەۋلادلىرىڭغا تەۋەدۇر. بۇ نەرسىلەرنى ئەڭ مۇقەددەس بىلىپ، پەقەت ئەرلەر يېسۇن. بۇ نەرسىلەرنى مۇقەددەس نەرسە دەپ بىلسۇن. ئىسرائىللارنىڭ ئېگىز كۆتۈرۈپ قىلغان ھەدىيەلىرى ساڭا مەنسۇپتۇر. مەن بۇلارنى ساڭا ۋە ئوغۇل-قىزلىرىڭغا تەقدىم قىلدىم. بۇ سىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈلۈشۈڭلاردۇر. ئائىلەڭدىكى پاك بولغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇنى يېسە بولىدۇ. ئسرائىللار ماڭا تۇنجى ھوسۇلدىن ئېلىپ ھەدىيە قىلغان ئەڭ ياخشى، يېڭى زەيتۇن يېغىنى، شارابلىرىنى ۋە ئاشلىقلىرىنى ساڭا تەقدىم قىلدىم. ئۇلار مەن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلغان بارلىق تۇنجى پىشقان زىرائەتلىرىنىڭ ھەممىسى سېنىڭ بولسۇن. ئائىلەڭدىكى پاك بولغان ھەممە كىشىلەر ئۇنى يېسە بولىدۇ. ئىسرائىللار ماڭا ئاتىغان بارلىق نەرسىلەرمۇ ساڭا مەنسۇپ بولسۇن. ماڭا ھەدىيە قىلىنغان تۇنجى ئوغۇللار ۋە تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك ھايۋانلارمۇ ساڭا مەنسۇپ بولسۇن. لېكىن خەلق تۇنجى ئوغۇل ۋە ناپاك ھايۋاننىڭ تۇنجى ئەركەك پۇشتىنى سىلەرگە ھەق تۆلەپ، قايتۇرۇۋالسۇن. ئۇلار ئېيىغا توشقاندا، كىشى بېشىغا بەش كۈمۈش تەڭگە قايتۇرۇۋېلىش ھەققى ئېلىنىپ قايتۇرۇپ بېرىلسۇن. مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر تەڭگە 12 گىرامغا تەڭ. ئەمما كالا، قوي ياكى ئۆچكىنىڭ تۇنجى تۇغۇلغانلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ. ئۇلار مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغاندۇر. ئۇلارنىڭ قېنى قۇربانلىق سۇپىسىغا چېچىلسۇن. مايلىرى كۆيدۈرۈلۈپ، مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيە قىلىنسۇن. ئۇلارنىڭ گۆشى، ئېگىز كۆتۈرۈلگەن تۆش ۋە ئوڭ يوتا گۆش ھەدىيەلىرىگە ئوخشاش، ساڭا مەنسۇپ بولسۇن. ئىسرائىللارنىڭ ماڭا ئېلىپ كەلگەن ھەدىيەلىرىنىڭ ھەممىسىنى ساڭا ۋە سېنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىڭغا مەنسۇپ قىلدىم. بۇ سىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈلۈشۈڭلاردۇر. بۇ مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا سەن ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ بىلەن تۈزگەن ۋە بىكار قىلىشقا بولمايدىغان مەڭگۈلۈك ئەھدەمدۇر. پەرۋەردىگار ھارۇنغا يەنە مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىللار ئىگە بولماقچى بولغان زېمىندا سېنىڭ ئۈلۈشۈڭ بولمايدۇ. ئۇلارغا نېسىۋە قىلىپ بېرىلگەن زېمىندىمۇ سېنىڭ نېسىۋەڭ بولمايدۇ. چۈنكى مەن ئۆزۈم سېنىڭ ئىسرائىللار ئارىسىدىكى ئۈلۈشۈڭ ۋە نېسىۋەڭ بولىمەن. ئىسرائىللار تەقدىم قىلغان بارلىق ئوندىن بىر ئۈلۈش ھەدىيەلەرنى سىلەر لاۋىيلارنىڭ نېسىۋىسى بولسۇن دەپ، ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى خىزمىتىڭلارنىڭ ھەققى قىلىپ بەردىم. گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، ئۆلۈمگە دۇچار بولماسلىقى ئۈچۈن، ھازىردىن باشلاپ لاۋىيلاردىن باشقا ھېچكىم ئۇچرىشىش چېدىرىغا يېقىنلاشمىسۇن. پەقەت لاۋىيلارلا ئۇچرىشىش چېدىرىدا خىزمەتتە بولىدۇ. ئۇلار ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىش جەريانىدا سادىر قىلغان سەۋەنلىكلىرىگە مەسئۇل بولىدۇ. بۇ سىلەرنىڭ ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەمەل قىلىشىڭلارغا تېگىشلىك بولغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىدۇر. لاۋىيلارنىڭ ئىسرائىللار ئارىسىدا نېسىۋىسى بولمايدۇ. چۈنكى مەن ئىسرائىللارنىڭ ماڭا ئېلىپ كەلگەن ئوندىن بىر ئۈلۈش ھەدىيەسىنى لاۋىيلارنىڭ نېسىۋىسى قىلدىم. شۇڭا مەن «ئۇلارنىڭ ئىسرائىللار ئارىسىدا نېسىۋىسى بولمايدۇ» دەپ ئېيتتىم. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سەن لاۋىيلارغا بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «ئەي لاۋىيلار، سىلەر مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە مەنسۇپ قىلىپ بەرگەن ئوندىن بىر ئۈلۈش نېسىۋەڭلارنى قوبۇل قىلغىنىڭلاردا، ئۇنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ماڭا ھەدىيە قىلىڭلار. مەن سىلەرنىڭ ھەدىيەڭلەرنى ئىسرائىللارنىڭ خاماندىكى ئاشلىقى، شاراب كۆلچىكىدىكى شارابىدەك قوبۇل قىلىمەن. سىلەر ئىسرائىللارنىڭ تەقدىم قىلغان ئوندىن بىر ئۈلۈش ھەدىيەسىنىڭ ئوندىن بىر ئۆلۈشىنى ماڭا تەقدىم قىلىڭلار. ماڭا بېغىشلىغان بۇ ھەدىيەنى روھانىي ھارۇنغا تاپشۇرۇڭلار. سىلەر ئېرىشكەن بارلىق ھەدىيەلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدىن ماڭا مەنسۇپ بولغان ئۈلۈشنى ماڭا ئاتاپ ھەدىيە قىلىڭلار.» لاۋىيلارغا يەنە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «سىلەر مەن پەرۋەردىگارغا ئەڭ ياخشىسىنى سۇنغىنىڭلاردا، مەن بۇنى خامىنىڭلاردىن ياكى شاراب كۆلچىكىڭلاردىن كەلگەندەك قوبۇل قىلىمەن. قالغانلىرىنى سىلەر ۋە ئائىلەڭلەردىكىلەر نەدىلا يېسەڭلار بولىدۇ. چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ ئۇچرىشىش چېدىرىدا قىلغان خىزمىتىڭلارنىڭ ھەققىدۇر. سىلەر ئەڭ ياخشىسىنى مەن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلغان بولساڭلار، قالغانلىرىنى يېسەڭلار، گۇناھكار بولمايسىلەر. ھەدىيە قىلىنغان مۇقەددەس نەرسىلەرنى بۇلغىماڭلار، بولمىسا ھالاك بولىسىلەر.» پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىللار مەن ئەمر قىلغان بۇ قانۇنغا ئەمەل قىلسۇن. ئۇلارغا مۇنداق دەپ ئېيتىڭلار: «ئۇلار بېجىرىم ۋە نۇقسانسىز، تېخى بويۇنتۇرۇق سېلىنمىغان ياش بىر قىزىل ئىنەكنى سىلەرگە ئېلىپ كەلسۇن. ئۇنى روھانىي ئەلئازارغا بېرىڭلار. ياش ئىنەك قارارگاھ سىرتىغا ئېلىپ چىقىلىپ، روھانىي ئەلئازارنىڭ ئالدىدا بوغۇزلانسۇن. روھانىي ئەلئازار بارمىقىنى ئۇنىڭ قېنىغا چىلاپ، قاننى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا قارىتىپ، يەتتە قېتىم چاچسۇن. ياش ئىنەك ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا كۆيدۈرۈلسۇن. تېرىسى، گۆشى، قېنى ۋە ئۈچىيىمۇ كۆيدۈرۈلسۇن. روھانىي ئازراق قارىغاي شېخى، بىر تۇتام لېپەكگۈل ۋە توق قىزىل يىپنى ئېلىپ، كۆيۈۋاتقان ياش ئىنەكنىڭ ئۈستىگە تاشلىسۇن. ئۇنىڭدىن كېيىن، روھانىي كىيىملىرىنى يۇيسۇن ۋە ئۆزىمۇ يۇيۇنسۇن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ قارارگاھىغا قايتىپ كەتسە بولىدۇ. لېكىن روھانىي كەچ كىرگۈچە يەنىلا ناپاكتۇر. ياش ئىنەكنى كۆيدۈرگەن كىشىمۇ كىيىملىرىنى يۇيسۇن ۋە ئۆزىمۇ يۇيۇنسۇن، ئۇمۇ كەچ كىرگۈچە يەنىلا ناپاكتۇر. پاك بىر كىشى ياش ئىنەكنىڭ كۈلىنى يىغىپ، قارارگاھ سىرتىدىكى پاك بىر جايغا قويۇپ قويسۇن. بۇ كۈل ئىسرائىل خەلقىنىڭ پاكلىنىش سۈيىگە سېلىپ ئىشلىتىلىشى ئۈچۈن ساقلانسۇن. بۇ گۇناھتىن پاكلىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. كۈلنى يىغقان كىشىمۇ ئوخشاشلا كىيىملىرىنى يۇيسۇن، ئۇمۇ كەچ كىرگۈچە ناپاكتۇر. بۇلار ئىسرائىللار ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشايدىغان يات خەلقلەر ئۈچۈنمۇ ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەمەل قىلىدىغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىدۇر. مەيلى كىم بولسۇن جەسەتكە تەگكەن بولسا يەتتە كۈنگىچە ناپاكتۇر. ئۇ ئۈچىنچى ۋە يەتتىنچى كۈنى پاكلىنىش سۈيى بىلەن ئۆزىنى يۇيسۇن. شۇندىلا ئۇ پاك بولىدۇ. مۇبادا ئۇ ئۆزىنى ئۈچىنچى ۋە يەتتىنچى كۈنلىرى يۇيمىغان بولسا، ئۇ پاك بولمايدۇ. ھەرقانداق بىر ئادەم جەسەتكە تېگىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنى پاكلىمىغان بولسا، ئۇنداق ئادەم مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىنى بۇلغىغان ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ئادەم ئىسرائىللارنىڭ قاتارىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلسۇن. چۈنكى پاكلىنىش سۈيى ئۇنىڭ ئۈستىگە سېپىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ تېخى پاكلانمىغان بولىدۇ. ئەگەر بىرەرسى چېدىردا قازا قىلسا، تۆۋەندىكى قائىدە بويىچە ئىش كۆرۈلسۇن: ئەگەر بىرەرسى جەسەت بار چېدىرغا كىرسە، ياكى بىرەرسى شۇ چېدىردا بولغان بولسا، ئۇ يەتتە كۈنگىچە ناپاك بولىدۇ. تۇۋىقى بار ھەرقانداق قاچا-قۇچا ئوچۇق قالغان بولسا، ناپاك بولىدۇ. ئەگەر بىر ئادەم سىرتتا قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ياكى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ جەسىتىگە ياكى ئۆلۈكنىڭ سۆڭىكىگە ياكى قەبرىسىگە تەگكەن بولسا، ئوخشاشلا يەتتە كۈنگىچە ناپاك بولىدۇ. ناپاك كىشى ئۈچۈن، كۆيدۈرۈلگەن پاكلىنىش قۇربانلىقىنىڭ كۈلىدىن كۈپكە سېلىپ، ئۈستىگە پاكىز سۇ قۇيۇلسۇن. ئاندىن پاك بىر كىشى لېپەكگۈلنى ئۇ سۇغا چىلاپ، چېدىرغا ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەرگە ھەمدە ئۇ يەردىكى ئادەملەرگە سەپسۇن. يەنە قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ياكى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن ھەرقانداق بىر جەسەتكە ياكى ئۆلۈكنىڭ سۆڭىكىگە ياكى قەبرىسىگە تەگكەن ھەرقانداق كىشىگىمۇ ئاشۇ سۇدىن سېپىلسۇن. پاك كىشى ناپاك كىشىگە ئۈچىنچى ۋە يەتتىنچى كۈنلىرى سۇ سەپسۇن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى يەتتىنچى كۈنى پاكلىنىدۇ. پاكلانغۇچى كىشى كىيىملىرىنى يۇيسۇن ۋە يۇيۇنسۇن. شۇنداق بولغاندا ئۇ كىشى شۇ كۈنى كېچىسى پاكلىنىپ بولغان بولىدۇ. ناپاك تۇرۇپ ئۆزىنى پاكلىمىغان ھەرقانداق كىشى خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. چۈنكى ئۇ، مەن پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس ئىبادەت چېدىرىنى بۇلغايدۇ. پاكلىنىش سۈيى ئۇنىڭغا سېپىلمىگەچكە، ئۇ ناپاكتۇر. بۇ سىلەر ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەمەل قىلىدىغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىدۇر. پاكلىنىش سۈيىنى سەپكەن كىشىمۇ كىيىملىرىنى يۇيسۇن. پاكلىنىش سۈيىگە تەگكەن ھەرقانداق بىر كىشى كەچ كىرگۈچە ناپاكتۇر. ناپاك كىشى تەگكەن ھەرقانداق نەرسە ناپاكتۇر. ئۇ كىشىگە تەگكەن ھەرقانداق كىشىمۇ كەچ كىرگۈچە ناپاكتۇر.» ئىسرائىل خەلقىنىڭ پۈتۈن جامائىتى زىن چۆلىگە 1-ئايدا يېتىپ كېلىپ، كادېش دېگەن جايدا تۇرۇپ قالدى. مەريەم شۇ يەردە قازا قىلىپ، دەپنە قىلىندى. ئۇ يەردە سۇ يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن خەلق مۇسا ۋە ھارۇننىڭ ئالدىغا توپلاشتى. ئۇلار مۇسا بىلەن جېدەللىشىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېيىشتى: _ بىزمۇ قېرىنداشلىرىمىزدەك پەرۋەردىگار ئالدىدا ئۆلۈپ كەتسەك بوپتىكەن! سىلەر نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىنى بۇ چۆلگە باشلاپ كەلدىڭلار؟ بىزنى ۋە ماللىرىمىزنى بۇ چۆلدە ئۆلسۇن دېگەنمىدىڭلار؟ نېمە ئۈچۈن بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، بۇ ھالاكەتلىك يەرگە ئېلىپ كەلدىڭلار؟ بۇ جايدا نە ئاشلىق، نە ئەنجۈر دەرىخى، نە ئۈزۈم تېلى، نە ئانار دەرىخى بولسۇن، ھەتتا ئىچىدىغانغا سۇمۇ يوق! مۇسا بىلەن ھارۇن جامائەتتىن ئايرىلىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا بېرىپ، ئۆزلىرىنى يەرگە تاشلاپ، باشلىرىنى يەرگە قويۇشتى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى ئۇلارغا زاھىر بولدى. پەرۋەردىگار مۇساغا: _ تايىقىنى ئالغىن ۋە ئاكاڭ ھارۇن بىلەن بىرلىكتە جامائەتنى يىغقىن. ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇ يەردىكى تاشقا سۆزلىگىن، ئۇنىڭدىن سۇ چىقىدۇ. سەن تاشتىن سۇ چىقارغاندىن كېيىن، جامائەت ۋە ئۇلارنىڭ ماللىرى ئۇ سۇنى ئىچىدۇ، _ دېدى. مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنى بويىچە ئەھدە ساندۇقى ئالدىدىن تايىقىنى ئالدى. ئۇ ھارۇن بىلەن بىرلىكتە جامائەتنى تاشنىڭ ئالدىغا يىغدى. مۇسا ئۇلارغا: _ ئەي ئىسيانچىلار، ئەجەبا سىلەرگە قورام تاشتىن سۇ چىقىرىپ بېرىشىمىز كېرەكمۇ؟ _ دېدى. ئاندىن مۇسا قولىنى كۆتۈرۈپ تاياق بىلەن تاشنى ئىككى قېتىم ئۇرۇۋىدى، سۇ ئېتىلىپ چىقتى. جامائەت ۋە ئۇلارنىڭ ماللىرى سۇدىن ئىچىشتى. لېكىن پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا: _ سىلەرنى ماڭا يېتەرلىك ئىشەنمىگىنىڭلار، ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا مېنىڭ مۇقەددەسلىكىمگە ھۆرمەت قىلمىغىنىڭلار سەۋەبىدىن، سىلەر جامائەتنى مەن سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىنغا باشلاپ بارالمايسىلەر، _ دېدى. بۇ يەر «مىرىبا سۈيى» [مەنىسى «جېدەل سۈيى»] دەپ ئاتالدى. چۈنكى بۇ يەردە ئىسرائىللار پەرۋەردىگار بىلەن جېدەللەشكەنىدى. پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى ئۇلارغا نامايان قىلغانىدى. مۇسا كادېشتىن ئىدوم پادىشاھىغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى. ئەلچىلەر تۆۋەندىكى سۆزلەرنى پادىشاھقا يەتكۈزدى: «بۇ قېرىنداش ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئېيتقانلىرى: ‹بىزنىڭ بېشىمىزغا كەلگەن بارلىق كۈلپەتلەردىن خەۋەردارسىز. بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز مىسىرغا بېرىپ نۇرغۇن يىللار ياشىغانىدى. مىسىرلىقلار بىزگە ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا زۇلۇم سالدى. لېكىن بىز پەرۋەردىگارغا نالە-پەرياد قىلغانىدۇق. ئۇ نالىمىزنى ئاڭلاپ، بىر پەرىشتە ئەۋەتىپ بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى. ھازىر بىز كادېشتا، سېنىڭ زېمىنىڭنىڭ چېگراسىدا تۇرۇۋاتىمىز. بىزنىڭ زېمىنىڭىزدىن ئۆتۈۋېلىشىمىزغا رۇخسەت || قىلغايسىز | قىلسىڭىز ||. بىز ئېتىزلىقىڭىزدىن ياكى ئۈزۈمزارلىقىڭىزدىن ئۆتمەيمىز ياكى قۇدۇقىڭىزدىن سۇ ئىچمەيمىز. بىز زېمىنىڭىزدىن ئۆتكۈچە خانلىق يولدا ماڭىمىز، يولدىن چەتنەپ كەتمەيمىز.›» لېكىن ئىدوم پادىشاھى جاۋابەن مۇنداق دېدى: _ سىلەر مېنىڭ زېمىنىمدىن ئۆتسەڭلار بولمايدۇ. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، قىلىچىمىزنى سىلەرگە قارىتىپ، ھۇجۇمغا ئۆتىمىز. ئىسرائىللار: _ بىز پەقەتلا چوڭ يولدا ماڭىمىز. ئەگەر سۈيۈڭلارنى بىز ياكى چارۋىلىرىمىز ئىچسە، ھەققىنى تۆلەيمىز. بىز پەقەت پىيادە مېڭىپ ئۆتۈپ كېتىشنىلا سورايمىز، _ دېدى. ئىدوم پادىشاھى: _ سىلەر ئۆتمەيسىلەر، _ دېدى. ئاندىن ئىدوم پادىشاھى ئۇلارغا قارشى زور، كۈچلۈك قوشۇن بىلەن ئاتلاندى. ئىدوم پادىشاھى ئىسرائىللارنىڭ ئۆز زېمىنىدىن ئۆتۈشىنى رەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار ئايلىنىپ باشقا يول بىلەن ماڭدى. ئىسرائىللارنىڭ پۈتۈن جامائىتى كادېشتىن چىقىپ ھور تېغىغا كەلدى. ئىدوم چېگراسىدىكى ھور تېغىدا پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دېدى: _ ھارۇننىڭ ئالەمدىن ئۆتىدىغان ۋاقتى كەلدى. ئۇ، مەن ئىسرائىللارغا ئاتا قىلغان زېمىنغا كىرەلمەيدۇ. چۈنكى ھەر ئىككىڭلار «مىرىبا سۈيى»دە مېنىڭ ئەمرىمگە قارشى چىقتىڭلار. ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەلئازارنى ھور تېغىغا ئېلىپ چىققىن. ھارۇننىڭ روھانىيلىق كىيىملىرىنى يەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئوغلى ئەلئازارغا كىيدۈرگىن. شۇ جايدا ھارۇن ئالەمدىن ئۆتۈپ، بۇ دۇنيادىن كېتىدۇ. مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىنى بەجا كەلتۈردى. ئۇلار پۈتۈن جامائەتنىڭ كۆز ئالدىدا ھور تېغىغا چىقتى. مۇسا ھارۇننىڭ روھانىيلىق كىيىملىرىنى يەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئوغلى ئەلئازارغا كىيدۈردى. ئاندىن ھارۇن شۇ تاغ ئۈستىدە قازا قىلدى. كېيىن مۇسا بىلەن ئەلئازار تاغدىن قايتىپ چۈشتى. پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ھارۇننىڭ قازا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئوتتۇز كۈن ھازا تۇتتى. كەنئاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئارادنىڭ پادىشاھى ئىسرائىللارنىڭ ئاتارىمغا قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتتى ۋە ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى ئەسىرگە ئالدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا: «ئەگەر سەن بۇ خەلقنى بىزنىڭ قولىمىزغا چۈشۈرۈپ بەرسەڭ، ئۇلارنى قىرغىن قىلىپ، شەھەرلىرىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋېتىمىز» دەپ قەسەم قىلدى. پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئۆتۈنۈشىنى ئاڭلاپ، كەنئانلارنى ئۇلارغا تاپشۇردى. ئۇلار كەنئانلارنى ۋە ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلدى. شۇڭا ئۇ جاي خورماھ [مەنىسى «خاراب قىلىش»] دەپ ئاتالدى. ئىسرائىللار ھور تېغىدىن قىزىل دېڭىزغا بارىدىغان يولغا چىقىپ، ئىدومدىن ئايلىنىپ ئۆتمەكچى بولدى. لېكىن كىشىلەر يولدا تاقەتسىزلىنىپ، خۇدا ۋە مۇسادىن ئاغرىنىشقا باشلىدى: _ سەن نېمىشقا بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، بۇ چۆلدە ئۆلۈمگە باشلايسەن؟ بۇ جايدا يا نان يوق، يا سۇ يوق! ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز بۇ ناچار ماننادىن تويۇپ كەتتۇق! _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئارىسىغا زەھەرلىك يىلانلارنى ئەۋەتتى. يىلانلار نۇرغۇن ئىسرائىللارنى چېقىپ، ئۆلتۈردى. خەلق مۇسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: _ بىز سەن ۋە پەرۋەردىگاردىن ئاغرىنىپ، گۇناھ قىلدۇق. پەرۋەردىگاردىن يىلانلارنى بىزدىن يىراق قىلىشىنى تىلەپ، دۇئا قىلغايسەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا جامائەت ئۈچۈن دۇئا قىلدى. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ يىلاندىن بىرنى ياساپ، خادىنىڭ ئۈستىگە ئورناتقىن. يىلان چاققان ھەرقانداق كىشى ئۇنىڭغا قارىسا ھايات قالىدۇ. شۇڭا مۇسا تۇچتىن بىر يىلان ياساپ، ئۇنى خادىنىڭ ئۈستىگە ئورناتتى. شۇنىڭ بىلەن يىلان چېقىۋالغان ئادەم تۇچتىن ياسالغان يىلانغا قارىسا، ھايات قالدى. ئىسرائىللار يەنە سەپەرگە ئاتلىنىپ ئوبوتتا قارارگاھ تىكتى. ئاندىن ئۇلار ئوبوتتىن چىقىپ، ئابارىم تاغلىرىدىكى ئىيىمغا كەلدى ۋە موئابنىڭ شەرقىي چېگراسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى چۆلدە قارارگاھ تىكتى. ئۇ جايدىن ئايرىلىپ، زەرەد جىلغىسىدا قارارگاھ تىكتى. ئاندىن ئۇ جايدىن ئايرىلىپ، ئارنون دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدا قارارگاھ تىكتى. بۇ جاي ئامورلارنىڭ زېمىنىغا تۇتىشىدىغان چۆلدە ئىدى. ئارنون دەرياسى موئابنىڭ چېگراسى بولۇپ، موئاب بىلەن ئامورلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىدى. شۇڭا بۇ جايلار «پەرۋەردىگارنىڭ جەڭنامىسى»دە پۈتۈلگەنىدى: «... سۇفاھتىكى ۋاھېب بازىرى ۋە ئارنوننىڭ چوڭقۇر جىلغىلىرى ھەمدە ئار يېزىسىغا يېتىپ بارىدىغان ۋە موئاب چېگراسىغا سوزۇلىدىغان جىلغىلارنىڭ باغرىلىرى...» ئۇلار ئۇ جايدىن داۋاملىق ئىلگىرىلەپ بەئەرگە [مەنىسى «قۇدۇق»] باردى. بۇ يەر پەرۋەردىگار مۇساغا: «خەلقنى يىغىپ جەم قىلغىن، مەن ئۇلارغا سۇ بېرىمەن» دېگەن يەر ئىدى. ئۇ چاغدا ئىسرائىللار تۆۋەندىكى ناخشىنى ئېيتقانىدى: «ئەي قۇدۇق، ئېتىلىپ چىققاي سۇلىرىڭ، كۈيلىگەيمىز بىز سېنى، ئەل باشچىلىرى، ئەل سەركىلىرى كولاپ سېنى، سەلتەنەت ھاسىلىرىدا قازغانىدى.» ئاندىن ئۇلار چۆلدىن چىقىپ، ماتتاناغا باردى. ماتتانادىن ناخالىئېلغا، ناخالىئېلدىن باموتقا، باموتتىن موئاب زېمىنىغا، يەنى چۆلگە قاراپ تۇرىدىغان پىسگاھ تېغىنىڭ بويىدىكى جىلغىغا يېتىپ باردى. ئىسرائىللار ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخونغا تۆۋەندىكى تەلەپلەر بىلەن ئەلچى ئەۋەتتى: «بىزنىڭ زېمىنىڭىزدىن ئۆتۈشىمىزگە يول قويسىڭىز. بىز ئېتىزلىقىڭىزدا ياكى ئۈزۈمزارلىقىڭىزدا ماڭمايمىز، قۇدۇقىڭىزدىن سۇ ئىچمەيمىز. بىز تاكى سىزنىڭ زېمىنىڭىزدىن ئۆتۈپ بولغۇچە، پەقەت خانلىق يولدىلا ماڭىمىز.» لېكىن سىخون ئىسرائىللارنى ئۆز زېمىنىدىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلمىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىق لەشكىرىنى يىغدى ۋە چۆلگە بېرىپ، ياھاز دېگەن جايدا ئىسرائىللارغا ھۇجۇم قىلدى. ئىسرائىللار پادىشاھ سىخوننى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئارنون دەرياسىدىن ياببوق دەرياسىغىچە بولغان زېمىنىنى تارتىۋېلىپ، مۇداپىئەسى زىچ بولغان ئاممونلارنىڭ چېگراسىغىچە يېتىپ باردى. ئىسرائىللار ئامورلارنىڭ بارلىق شەھەرلىرىنى، جۈملىدىن خەشبون ۋە ئەتراپىدىكى يېزا-كەنتلەرنى ئىشغال قىلدى ۋە ئۇ يەرلەرگە ئولتۇراقلاشتى. خەشبون ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخوننىڭ شەھىرى بولۇپ، سىخون موئابلارنىڭ ئاۋۋالقى پادىشاھى بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئۇنىڭ ئارنون دەرياسىغىچە بولغان بارلىق زېمىنىنى ئىشغال قىلغانىدى. شۇڭا بەزىلەر بۇ توغرۇلۇق مۇنداق قوشاق توقۇغانىدى: «خەشبون شەھىرىگە كېلىپ، ئۇنى قايتا قۇرسۇن، سىخوننىڭ شەھىرى قايتا بىنا بولسۇن. يالقۇن خەشبوندىن چىقتى، سىخون شەھىرىدىن ئاتەش ياندى. موئابنىڭ ئار شەھىرىنى يالماپ، ئارنون ئېگىزلىكىنىڭ پۇقرالىرىنى كۆيدۈردى. ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي موئابلار! ئاھ كىموش ئىلاھىنىڭ خەلقى، تۈگەشتىڭلار ئەمدى! ئىلاھىڭلار ئوغۇللىرىنىڭ قاچاق بولۇشىنى توسالمىدى، ئىلاھىڭلار قىزلىرىنىڭ تۇتقۇن بولۇشىنى توسالمىدى، ئۇلار ئامور پادىشاھى سىخوننىڭ بولدى. بىز ئۇلارنى قىرىپ تاشلىدۇق، خەشبون ۋەيران بولدى تاكى دىبونغىچە. پايخان قىلدۇق ئۇلارنى تاكى نوفاخقىچە، نوفاختىن ھەتتا مېدىباغىچە.» شۇنداق قىلىپ ئىسرائىللار ئامورلارنىڭ زېمىنىغا ئولتۇراقلاشتى. مۇسا يازېر شەھىرىنى چارلاشقا ئادەم ئەۋەتكەندىن كېيىن، ئىسرائىللار ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-قىشلاقلارنى ئىشغال قىلدى ۋە ئۇ جايدىكى ئامورلارنى قوغلاپ چىقاردى. ئاندىن ئىسرائىللار بۇرۇلۇپ، باشانغا قاراپ يول ئالدى. باشان پادىشاھى ئوگ پۈتۈن لەشكەرلىرىنى باشلاپ، ئەدرەئىدە ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلدى. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ ئۇنىڭدىن قورقمىغىن، چۈنكى مەن ئۇنى ۋە ئۇنىڭ بارلىق لەشكەرلىرىنى، ھەمدە ئۇنىڭ زېمىنلىرىنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇردۇم. خەشبوندا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخونغا قانداق قىلغان بولساڭ، ئۇنىڭغىمۇ شۇنداق قىلغىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئوگنى ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە پۈتۈن لەشكەرلىرى بىلەن قوشۇپ تارمار قىلدى، ئۇلاردىن ھېچكىمنى ئامان قويمىدى ھەمدە ئۇنىڭ زېمىنلىرىنى ئىگىلىدى. ئىسرائىللار موئاب تۈزلەڭلىكىگە يېتىپ بېرىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىگە، يەنى ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىگە قارارگاھ تىكتى. زىپپورنىڭ ئوغلى، يەنى موئابنىڭ پادىشاھى بالاق ئىسرائىللارنىڭ ئامورلارنى قىرغىن قىلغانلىقىدىن خەۋەردار ئىدى. ئىسرائىللارنىڭ شۇنچە كۆپلۈكىدىن موئابلار قورقۇنچتا قالدى. ئىسرائىللاردىن قورقۇپ ۋەھىمىدە قالغان موئابلار مىديانلارنىڭ ئاقساقاللىرىغا: _ خۇددى كالىلار ئوتلاقتىكى ھەممە چۆپلەرنى يەۋەتكەندەك، بۇ بىر توپ ئادەملەر ئەتراپىمىزدىكى ھەممە نەرسىنى يالماپ يۇتۇۋېتىدىغان بولدىغۇ ئاخىر، _ دېيىشتى. بۇ چاغدا زىپپورنىڭ ئوغلى بالاق موئابنىڭ پادىشاھى ئىدى. ئۇ ئاماۋ زېمىنىدىكى، فىرات دەرياسى بويىدىكى پىتور شەھىرىگە ئەلچى ئەۋەتىپ، بىئورنىڭ ئوغلى بىلئامنى چاقىرتتى. ئۇ ئەلچىلەر ئارقىلىق مۇنۇ خەۋەرنى بىلئامغا يوللىدى: «مىسىردىن چىققان بىر خەلق جاھاننى قاپلاپ، بېسىپ كەلدى. ئۇلار قارشى تەرىپىمگە كېلىپ ئورۇنلاشتى. ئۇلار مەندىن قۇدرەتلىك ئىكەن، مەن ئۈچۈن ئۇلارنى قارغىشىڭنى ئۆتۈنىمەن. شۇنداق بولغاندىلا مەن ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ، قوغلىۋېتەلەيمەن. بىلىمەن، سەن كىمگە بەخت تىلىسەڭ، شۇ بەختكە ئېرىشىدۇ، كىمنى قارغىساڭ، شۇ قارغىشقا قالىدۇ.» موئاب ۋە مىديانلارنىڭ ئاقساقاللىرى بىلئامغا سوۋغات قىلماقچى بولغان ئالتۇن-كۈمۈشلەر ئېلىپ يولغا چىقتى. ئۇلار بىلئامنىڭ قېشىغا يېتىپ كەلدى ۋە بالاقنىڭ سۆزلىرىنى ئۇنىڭغا يەتكۈزدى. بىلئام ئۇلارغا: _ بۈگۈن كېچە مۇشۇ يەردە قونۇڭلار. مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنى بويىچە سىلەرگە جاۋاب بېرىمەن، _ دېدى. موئابتىن كەلگەن ئەلچىلەر بىلئامنىڭ يېنىدا قالدى. خۇدا بىلئامدىن: _ بۇلار كىم؟ _ دەپ سورىدى. بىلئام جاۋاب بېرىپ: _ بۇلار زىپپورنىڭ ئوغلى، يەنى موئابنىڭ پادىشاھى بالاقنىڭ ئەلچىلىرىدۇر، ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە: «مىسىردىن چىققان بىر خەلق جاھاننى قاپلاپ كېتىپتۇ. بالاق مېنىڭ ئۇ خەلقنى قارغىشىمنى ئۆتۈنۈپتۇ. شۇنداق بولغاندا پادىشاھ بالاق ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ، قوغلىۋېتەلىشى مۇمكىن ئىكەن»، _ دېدى. خۇدا بىلئامغا مۇنداق دېدى: _ سەن ئۇلار بىلەن بىرگە بېرىپ، ئۇ خەلقنى قارغىساڭ بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ خەلق مېنىڭ بەختىمگە ئېرىشكەن خەلقتۇر. ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە بىلئام بالاقنىڭ ئەلچىلىرىگە: _ سىلەر يۇرتۇڭلارغا قايتىڭلار، سىلەر بىلەن بىرگە بېرىشىمغا پەرۋەردىگار رۇخسەت قىلمىدى، _ دېدى. موئابنىڭ ئەلچىلىرى قايتىپ بېرىپ، بالاققا: _ بىلئام بىز بىلەن بىرگە كېلىشكە ئۇنىمىدى، _ دېدى. بالاق تېخىمۇ كۆپ ۋە ئالدىنقىدىن تېخىمۇ ئابرۇيلۇق ئەلچىلەرنى يەنە ئەۋەتتى. ئۇلار بىلئامنىڭ يېنىغا بارغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا: _ زىپپورنىڭ ئوغلى بالاق سىزنى مەيلى قانداق قىلمىسۇن، چوقۇم كەلسۇن! مەن ئۇنى مەردلەرچە تارتۇقلايمەن، ئۇ خالىغىنىنى ئالسۇن، پەقەت ئۇنىڭ ئاشۇ خەلقنى قارغىشىنىلا ئۆتۈنىمەن، _ دېدى. بىلئام جاۋابەن: _ بالاق خەزىنىسىدىكى بارلىق ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ماڭا بەرسىمۇ، مەن ھەرقانداق بىر ئىشتا پەرۋەردىگارىم خۇدانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلالمايمەن. سىلەر بۇ يەردە قونۇپ قېلىڭلار. پەرۋەردىگارنىڭ يەنە قانداق تاپشۇرۇقلىرىنىڭ بارلىقىغا قاراپ باقايلى، _ دېدى. شۇ كېچىسى خۇدا بىلئامغا زاھىر بولدى ۋە مۇنداق دېدى: _ بۇ كىشىلەر سېنى تەكلىپ قىلىپ كەلگەنىكەن، ئۇلار بىلەن بىرگە بارساڭمۇ بارغىن، لېكىن پەقەت مېنىڭ دېگىنىم بويىچە قىلغىن. بىلئام سەھەر تۇرۇپ، ئېشىكىنى توقۇپ، موئابنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن يۈرۈپ كەتتى. بىلئام ماڭغاندىن كېيىن، خۇدانىڭ غەزىپى كەلدى. بىلئام ئېشىكىنى مىنىپ، ئىككى خىزمەتكارىنى ئەگەشتۈرۈپ يولدا كېتىۋاتاتتى. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يولدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ يولىنى توستى. ئېشەك پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ قولىغا قىلىچ ئېلىپ يولنى توسۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، يولدىن چەتنەپ ئېتىزلىققا كىرىپ كەتتى. بىلئام ئېشەكنى ئۇرۇپ يولغا قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولدى. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىككى ئۈزۈمزارلىقنىڭ ئارىسىدىكى بىر تار چىغىر يولدا تۇراتتى، ئىككى تەرىپى تام ئىدى. ئېشەك پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنى كۆرۈپ، تام تەرەپكە قىستىلىپ مېڭىپ، بىلئامنىڭ پۇتىنى يارىلاندۇرۇپ قويدى. بىلئام يەنە ئېشەكنى ئۇردى. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئالدىغىراق بېرىپ، يولنىڭ تېخىمۇ تار يېرىدە تۇردى. ئىككى تەرىپىدە ئادەم ئۆتكۈدەك يەر يوق ئىدى. ئېشەك پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنى كۆرۈپ، يەردە يېتىۋالدى. بىلئام غەزەپلىنىپ، ئېشەكنى ھاسىسى بىلەن ئۇردى. پەرۋەردىگار ئېشەكنى زۇۋانغا كەلتۈرۈپ، بىلئامغا: _ مەن قانداق خاتالىق ئۆتكۈزدۈم، سەن مېنى ئۈچ قېتىم ئۇردۇڭ، _ دېگۈزدى. بىلئام: _ سەن مېنى ئەخمەق قىلدىڭ، ئەگەر قىلىچىم بولغان بولسا، سېنى ھازىرلا ئۆلتۈرۈۋېتەتتىم، _ دېدى. ئېشەك: _ مەن سېنىڭ بۇرۇندىن باشلاپ مىنگەن ئېشىكىڭمەن، مەن بۇرۇن بۇنداق قىلىپ باققانمىدىم؟ _ دەپ سورىدى. بىلئام جاۋاب بېرىپ: _ ياق، _ دېدى. دەل شۇ چاغدا پەرۋەردىگار بىلئامنىڭ كۆزىنى ئاچتى، ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ قىلىچ تۇتۇپ يولدا تۇرغانلىقىنى كۆردى-دە، يەرگە باش قويۇپ سەجدە قىلدى. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بىلئامغا مۇنداق دېدى: _ نېمىشقا سەن ئېشىكىڭنى ئۈچ قېتىم ئۇردۇڭ؟ مەن ئالايىتەن سېنى توسقىلى كەلدىم، چۈنكى سېنىڭ يولۇڭ گۇناھ يولىدۇر. ئېشىكىڭ مېنى كۆرۈپ، ئۈچ قېتىم يولدىن چەتنىدى، بولمىسا ئاللىقاچان سېنى ئۆلتۈرۈپ، ئېشەكنى قويۇۋەتكەن بولار ئىدىم. بىلئام پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىگە مۇنداق دېدى: _ مەن گۇناھ قىلدىم، سېنىڭ يول توسۇپ تۇرغانلىقىڭنى بىلمەپتىمەن. ئەگەر سەن مېنىڭ بېرىشىمدىن خۇرسەن بولمىساڭ، مەن ھازىرلا قايتىپ كېتەي. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى: _ بۇلار بىلەن بىرگە بارغىن، لېكىن پەقەت مېنىڭ ئېيتقىنىمنى ئېيت، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىلئام بالاقنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن يۈرۈپ كەتتى. بالاق بىلئامنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، چېگراغىچە كېلىپ، موئابنىڭ ئارنون دەرياسى بويىدىكى شەھىرىدە كۈتۈۋالدى. بالاق بىلئامدىن: _ ئالدىنقى قېتىم مەن سېنىڭ چوقۇم كېلىشىڭنى ئۆتۈنگەنىدىم. سەن نېمىشقا كەلمىدىڭ؟ ئەجەبا سېنى مەردلەرچە تارتۇقلىيالماسمەنمۇ؟ _ دەپ سورىدى. بىلئام مۇنداق دېدى: _ مانا مەن ھازىر كەلدىم، لېكىن مەن ئۆزۈم خالىغانچە سۆزلىيەلمەيمەن، پەقەت خۇدانىڭ ئېيتقىنى بويىچىلا سۆزلەيمەن، _ دېدى. بالاق بىلەن بىلئام بىرلىكتە قىريات-خۇزوت شەھىرىگە كەلدى. بالاق ئۇ يەردە كالا ۋە قويلارنى قۇربانلىق قىلىپ، بىلئام ۋە ئۇنى ئېلىپ كەلگەن ئەلچىلەرگە سۇندى. ئىككىنچى كۈنى سەھەردە بالاق بىلئامنى ئەگەشتۈرۈپ، باموت-بائالغا كەلدى. ئۇ يەردە بىر قىسىم ئىسرائىللارنى كۆرگىلى بولاتتى. بىلئام بالاققا: _ بۇ يەرگە مەن ئۈچۈن يەتتە قۇربانلىق سۇپىسى ياسىتىپ، يەتتە تۇياق بۇقا ۋە يەتتە تۇياق قوچقار تەييارلىغىن، _ دېدى. بالاق بىلئامنىڭ دېگىنى بويىچە قىلدى. ئۇلار بىرلىكتە قۇربانلىق سۇپىلىرىدا بىردىن بۇقا ۋە بىردىن قوچقارنى قۇربانلىق قىلدى. ئاندىن بىلئام بالاققا: _ سەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا قالغىن، مەن ئالدى تەرەپكە باراي، بەلكىم پەرۋەردىگار مەن بىلەن كۆرۈشۈپ قالار. پەرۋەردىگار ماڭا نېمە دېسە، مەن شۇنى ساڭا يەتكۈزىمەن، _ دەپ، بىر تاقىر تاغقا چىقتى. خۇدا بىلئامنىڭ ئالدىدا زاھىر بولدى. بىلئام ئۇنىڭغا: _ مەن يەتتە قۇربانلىق سۇپىسى تەييارلاپ، ھەربىرىگە بىر تۇياقتىن بۇقا، بىر تۇياقتىن قوچقار قۇربانلىق قىلدىم، _ دېدى. پەرۋەردىگار بىلئامغا نېمە دېيىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن، يەنە: _ سەن بالاقنىڭ قېشىغا قايتىپ بېرىپ، دېگەنلىرىمنى ئۇنىڭغا يەتكۈزگىن، _ دېدى. بىلئام قايتىپ بارغاندا، بالاق موئابنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرلىكتە قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا ئۇنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتاتتى. بىلئام سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «موئاب پادىشاھى بالاق مېنى ئاررامدىن ئېلىپ كەلدى، ئۇ مېنى شەرقىي تاغلاردىن تەكلىپ قىلدى. ئۇ ماڭا: ‹ياقۇپ ئەۋلادلىرىنى قارغىغىن، ئىسرائىللارغا لەنەت ئوقۇغىن!› دېدى. لېكىن خۇدا قارغىمىسا، مەن قانداق قارغىيالايمەن؟ پەرۋەردىگار لەنەتلىمىسە، مەن قانداق لەنەتلىيەلەيمەن؟ مەن ئېگىز قىيا تاشلاردىن ئۇلارغا نەزەر سالدىم، ئېگىز تۆپىلىكلەردىن ئۇلارغا باقتىم. ئۇلار ئايرىم ياشايدىغان خەلقتۇر، ئۇلار ‹باشقىلارغا ئەسلا ئوخشىمايمىز› دەپ ئويلايدۇ. ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى كۆپتۇر خۇددى توپىدەك، كىم ئۇلارنىڭ سانىنى ئالالايدۇ؟ كىم ئىسرائىللارنىڭ تۆتتىن بىرىنى ساناپ چىقالايدۇ؟ مەن ئۇلارغا ئوخشاش دۇرۇس ئادەم بولۇپ ئالەمدىن ئۆتەي، ئاخىرىتىم خۇددى ئۇلارنىڭكىدەك بولسۇن.» بالاق بىلئامغا: _ نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟ مەن سېنى دۈشمەنلىرىمنى قارغاشقا ئەكەلسەم، سەن ئۇلارغا بەخت تىلەۋاتىسەنغۇ! _ دېدى. بىلئام مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار ماڭا دېگىن، دەپ بۇيرۇغان سۆزلەرنى دېمەسلىكىمگە نېمە ھەددىم؟ بالاق مۇنداق دېدى: _ يۈرۈڭ، مەن بىلەن باشقا يەرگە بېرىڭ. ئۇ يەردىن باشقا ئىسرائىللارنى كۆرەلەيسىز. سىز شۇ يەردە مەن ئۈچۈن ئۇلارنى قارغاڭ. ئۇ بىلئامنى پىسگاھ تېغىنىڭ زۇفىم ئېگىزلىكىگە ئېلىپ چىقتى. ئۇ يەردە يەتتە قۇربانلىق سۇپىسى ياسىتىپ، ھەربىر قۇربانلىق سۇپىسىدا بىردىن بۇقا ۋە بىردىن قوچقارنى قۇربانلىق قىلدى. بىلئام بالاققا: _ سەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا قالغىن. مەن نېرىراق يەرگە بېرىپ، پەرۋەردىگار بىلەن كۆرۈشىمەن، _ دېدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئالدىدا زاھىر بولۇپ، بىلئامغا نېمە دېيىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى: _ سەن بالاقنىڭ قېشىغا قايتىپ بېرىپ، دېگەنلىرىمنى ئۇنىڭغا يەتكۈزگىن. بىلئام بالاقنىڭ قېشىغا قايتىپ بېرىپ، ئۇنىڭ موئاب ئەمەلدارلىرى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆردى. بالاق: _ پەرۋەردىگار نېمە دېدى؟ _ دەپ سورىدى. بىلئام سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئى بالاق، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلا، ئى زىپپورنىڭ ئوغلى بالاق، سۆزلىرىمگە قۇلاق سال. خۇدا ئىنسان ئەمەس، ئۇ يالغان سۆزلىمەس، خۇدا ئىنساننىڭ بالىسىدەك ئەمەس، ئۇ قارارىنى ئۆزگەرتمەس. ئۇ دېگىنىنى قىلماي قويماس، ۋەدىسىنى ئورۇندىماي قالماس. بەخت تىلەشكە ئەمر ئالدىم، ئۇ تىلىگەن بەختنى مەن ئۆزگەرتىشكە ئىمكانىم يوق. ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا كۈلپەت چۈشمەس، ئىسرائىللار بېشىغا بالا-قازا كەلمەس. ئۇلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدا ئۇلار بىلەن بىللىدۇر، ئۇلار ئۆز پادىشاھى بولغان پەرۋەردىگارغا ئالقىشلار ياغدۇرار. خۇدا ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى، ئۇ خۇددى ياۋا بۇقىدەك كۈچلۈكتۇر. ھېچبىر سېھىرگەرلىك ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا كار قىلمايدۇ، ھەرقانداق قارغىشمۇ ئىسرائىللارنى ۋەيران قىلالمايدۇ. ۋاقتى كەلگەندە كىشىلەر ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى ئىسرائىللار ھەققىدە سۆزلىشىپ: ‹قاراڭلار، خۇدانىڭ بۈيۈك ئىشلىرىغا!› دەيدۇ. بۇ خەلق ئانا شىرغا ئوخشاش ئېتىلىدىكەن، خۇددى ئەركەك شىردەك سەكرىيەلەيدىكەن، ئولجىسىنى يېمىگۈچە بولدى قىلمايدىكەن، ئولجىسىنىڭ قېنىنى ئىچمىگۈچە ئارام ئالمايدىكەن.» بالاق بىلئامغا: _ سەن ئۇلارنى قارغىمىساڭ مەيلى، ئەمما ئۇلارغا بەخت تىلىمەسلىكىڭ كېرەك ئىدى، _ دېدى. بىلئام جاۋاب بېرىپ: _ مەن ساڭا، مەن چوقۇم پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە ئىش قىلىمەن دېمىدىممۇ؟ _ دېدى. بالاق: _ كەل، سېنى باشقا بىر يەرگە باشلاپ باراي. خۇدا ئۇ يەردە سېنىڭ ئۇلارنى مەن ئۈچۈن قارغىشىڭغا يول قويۇپ قالار، _ دېدى. ئۇ بىلئامنى چۆلگە قاراپ تۇرىدىغان پىئور چوققىسىغا ئېلىپ چىقتى. بىلئام بالاققا: _ سەن بۇ يەردە يەتتە قۇربانلىق سۇپىسى تەييارلاپ، يەتتە تۇياق بۇقا، يەتتە تۇياق قوچقار ھازىرلىغىن، _ دېدى. بالاق بىلئامنىڭ دېگىنى بويىچە ھەربىر قۇربانلىق سۇپىسى ئۈچۈن بىردىن بۇقا ۋە بىردىن قوچقار تەييارلىدى. بىلئام ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭدىن ئىسرائىللارغا بەخت تىلەشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدى. شۇڭا بۇ قېتىم ئالدىنقى ئىككى قېتىمقىدەك، پال ئاچمىدى، بەلكى چۆلگە يۈزلىنىپ، تۆت ئەتراپقا نەزەر تاشلاپ، ئىسرائىللارنىڭ قەبىلە-قەبىلە بويىچە قارارگاھ قۇرغانلىقىنى كۆردى. خۇدانىڭ روھى ئۇنىڭغا چۈشتى، بىلئام سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ، بىئورنىڭ ئوغلى بىلئام قىلغان سۆزدۇر، بۇ، كۆزى ئېچىلغان ئادەمنىڭ سۆزىدۇر. ئۇ خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىيالايدۇ، ھوشىدىن كەتسىمۇ، ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ غايىبانە ئالامىتىنى كۆرىدۇ. ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، چېدىرلىرىڭ نەقەدەر گۈزەل! ئەي ئىسرائىللار، قارارگاھلىرىڭ نەقەدەر گۈزەل! ئۇلار خۇددى بىپايان خورمىزارلىقلار، ساھىلدىكى باغلاردەك، خۇددى پەرۋەردىگار تېرىغان مۇئەتتەر دەرەخلىرىدەك، سۇ بويىدىكى كېدىر دەرەخلىرىدەكتۇر. ئۇلارنىڭ چېلەكلىرىدىن سۇ تېشىپ تۇرىدۇ، تېرىلغان ئۇرۇقلارغا سۇ مول بولىدۇ. ئۇلارنىڭ پادىشاھى ئامالەكلەرنىڭ پادىشاھى ئاگاگتىن بۈيۈكتۇر، پادىشاھلىقى ئۇلۇغلىنىدۇ. خۇدا ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى، ئۇ خۇددى ياۋا بۇقىدەك كۈچلۈكتۇر. ئۇلار دۈشمەنلىرىنى يالماپ يۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنى ئېزىۋېتىدۇ، ئوقيالىرى دۈشمەنلىرىنى تېشىپ ئۆتىدۇ. ئۇلار سوزۇلۇپ ياتقان ئەركەك شىرغا ھەم چىشى شىرغا ئوخشايدىغان تۇرسا، كىممۇ ئۇلارنى ئويغىتىۋېتىشكە جۈرئەت قىلالىسۇن؟ ئۇلارغا بەخت تىلىگەنلەر بەخت تاپقاي، ئۇلارنى قارغىغانلار قارغىشقا قالغاي.» بالاق بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، دەرغەزەپ بولۇپ، مۇشتۇمىنى تۈگدى ۋە بىلئامغا: _ مەن سېنى دۈشمىنىمنى قارغاشقا تەكلىپ قىلسام، قارا، سەن ئۇلارغا ئۈچ قېتىم بەخت تىلىدىڭ. ئەمدى ئۆيۈڭگە قايتىپ كەت، مەن سېنى كاتتا تارتۇقلايمەن دېگەنىدىم، بىراق پەرۋەردىگار بۇنى ساڭا نېسىپ قىلمىدى، _ دېدى. بىلئام جاۋابەن مۇنداق دېدى: _ سەن ئەۋەتكەن ئەلچىلەرگە بۇنى دېمىگەنمىدىم؟ سەن ماڭا ئورداڭدىكى بارلىق ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى بەرگەن تەقدىردىمۇ، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەيلى ياخشى ياكى يامان ئىش بولسۇن ئۆزۈمنىڭ خاھىشى بويىچە ئىش قىلالمايمەن. مەن پەقەت پەرۋەردىگار «سۆزلە» دېگەننى سۆزلەيمەن. مەن ھازىر ئۆيۈمگە قايتىپ كېتىمەن، لېكىن مەن ساڭا، ئىسرائىللارنىڭ كەلگۈسىدە خەلقىڭگە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەي. بىلئام سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىئورنىڭ ئوغلى بىلئامنىڭ سۆزى: كۆزى ئېچىلغان ئادەمنىڭ سۆزىدۇر. ئۇ خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىيالايدۇ، ئۇلۇغ خۇدانىڭ مەقسەتلىرىنى چۈشىنىدۇ، ھوشىدىن كەتسىمۇ، ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ غايىبانە ئالامىتىنى كۆرىدۇ. غايىبانە ئالامەتتە ئۇنى كۆردۈم، لېكىن ئۇ ھازىر بۇ يەردە ئەمەس، ئۇنىڭغا قارىدىم، لېكىن ئۇ يېقىنمۇ ئەمەس. دېمەك، بىر يۇلتۇز چىقار ياقۇپ نەسلىدىن، بىر سەلتەنەت ھاسىسى چىقار ئىسرائىلىيەدىن. ئۇ موئابنىڭ پېشانىسىنى ئۇرۇپ يارىدار قىلار، شېتنىڭ پۈتۈن ئەۋلادلىرىنىڭ بېشىنى چېقىپ تاشلار. ئۇ ئىدومنى بويسۇندۇرۇپ، دۈشمەن بولغان سەئىرنىمۇ ئىگىلەيدۇ، ئىسرائىللار ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىرى ھاكىملىق قىلىپ، ئىدومنىڭ شەھەرلىرىدىكى قالغان خەلقلەرنى يوقىتىدۇ.» بىلئام غايىبانە ئالامەتتە ئامالەكلەرنى كۆرۈپ، سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئامالەكلەر ئەللەر ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئاخىر ھالاك بولار.» بىلئام غايىبانە ئالامەتتە قېنلارنى كۆرۈپ، سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «گەرچە سىلەرنىڭ قارارگاھىڭلار مۇستەھكەم، ئۇۋاڭلار تىك ياردا بولسىمۇ، ئەي قېنلار، سىلەر چوقۇم زاۋاللىققا يۈزلىنىپ، ئاسسۇرلارغا ئەسىر بولىسىلەر.» بىلئام يەنە سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «خۇدا بۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندا، كىممۇ ھايات قالالايتتى؟ سىپرۇستىن كېمىلەر كېلىپ، ئاسسۇر بىلەن ئېبەرنى بويسۇندۇرىدۇ. لېكىن ئۇلار ئۆزىمۇ ھالاك بولىدۇ.» بىلئام سۆزىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئورنىدىن تۇرۇپ، يۇرتىغا قايتتى، بالاقمۇ قايتىپ كەتتى. ئىسرائىللار شىتتىمدىكى ۋاقتىدا، بىر قىسىم ئىسرائىل ئەركەكلىرى موئاب قىزلىرى بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىشقا باشلىدى. موئاب قىزلار ئۇلارنى موئابلار چوقۇنىدىغان ئىلاھلارنىڭ قۇربانلىق زىياپەتلىرىگە تەكلىپ قىلدى. ئۇلار ئۇ يەرگە بېرىپ، سۇنۇلغان قۇربانلىقلاردىن غىزالىنىپ، ئۇلارنىڭ بۇت ئىلاھلىرىغا چوقۇندى. نەتىجىدە ئىسرائىللار پىئورنىڭ ئىلاھى بائالغا باغلىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى كېلىپ، مۇساغا: _ ئۇلارنىڭ باشلامچىلىرىنى تۇتۇپ، كۆز ئالدىمدا ئوچۇق-ئاشكارا ئۆلتۈرۈپ، مېنىڭ ئىسرائىللارغا بولغان غەزىپىمنى باسقىن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئىسرائىللارنىڭ سوتچىلىرىغا: _ ھەرقايسىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ قول ئاستىدىكى پىئورنىڭ ئىلاھى بائالغا چوقۇنغانلارنى ئۆلتۈرۈڭلار، _ دېدى. مۇسا بىلەن ئىسرائىللار ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا مۇشۇ گۇناھ سەۋەبىدىن كۆز يېشى قىلىشىۋاتاتتى. ئىسرائىللاردىن بىرى بىر مىديان ئايالنى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆزىنىڭ چېدىرىغا ئېلىپ كىرىپ كەتتى. بۇنى كۆرگەن روھانىي ھارۇننىڭ نەۋرىسى، ئەلئازارنىڭ ئوغلى پىنىخاس جامائەتتىن ئايرىلىپ، قولىغا نەيزىسىنى ئالدى-دە، چېدىرغا كىرىپ، ھېلىقى ئەر بىلەن مىديان ئايالنىڭ قورسىقىغا نەيزە تىقىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن گۇناھ سەۋەبىدىن ئىسرائىللار ئارىسىغا تارقالغان ۋابا كېسىلى توختىدى. لېكىن ئاللىقاچان 24 مىڭ ئادەم ۋابا كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنىدى. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ روھانىي ھارۇننىڭ نەۋرىسى، ئەلئازارنىڭ ئوغلى پىنىخاس مېنىڭ ئىسرائىللارغا بولغان غەزىپىمنى باستى. ئۇ جامائەتنىڭ ساداقەتسىزلىكىدىن ماڭا ئوخشاش قاتتىق نەپرەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن، مەن غەزىپىمنى بېسىپ، ئۇلارنى يوقاتمىدىم. ئۇنىڭغا ئېيتقىن، مەن ئۇنىڭ بىلەن «ئامانلىق ئەھدىسى» تۈزىمەن، ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى مۇشۇ ئامانلىق ئەھدىسىگە ئاساسەن مەڭگۈ روھانىي بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ماڭا قىزغىن بولۇپ، ساداقەتسىزلەرنى يوقىتىپ، ئىسرائىللارنى گۇناھىدىن ساقىت قىلدى. مىديان ئايال بىلەن بىرگە ئۆلتۈرۈلگەن ئىسرائىلنىڭ ئىسمى زىمرى بولۇپ، سالۇنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇ شىمون قەبىلىسىدە بىر جەمەتنىڭ باشلىقى ئىدى. ئۆلتۈرۈلگەن مىديان ئايالنىڭ ئىسمى كوزبى بولۇپ، مىديانلارنىڭ قەبىلە باشلىقى زۇرنىڭ قىزى ئىدى. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر مىديانلارنى دۈشمەن دەپ بىلىڭلار. ئۇلارنى ئۆلتۈرۈڭلار. چۈنكى ئۇلار دۈشمەنلىك قىلىپ، سىلەرنى پىئورنىڭ ئىلاھى بائالغا چوقۇنۇشقا ئازدۇرۇپ، سىلەرگە بالا-قازا كەلتۈردى. ئۇلار مىديانلارنىڭ باشلىقىنىڭ قىزى كوزبى ئارقىلىق سىلەرنى ئازدۇردى، ئۇ قىز پىئور ۋەقەسى پەيدا بولغان، ۋابا كېسىلى تارقالغان كۈندە ئۆلتۈرۈلدى. ۋابا كېسىلى بېسىققاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار مۇسا ۋە روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلئازارغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر پۈتۈن ئىسرائىللارنىڭ سانىنى جەمەتى بويىچە رويخەتكە ئېلىپ، يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەرنىڭ ئىسىملىرىنى تىزىملاڭلار. مۇسا ۋە روھانىي ئەلئازار ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدا، ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدە ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى بارلىق ئەرلەرنى رويخەتكە ئېلىڭلار. مىسىردىن چىققان ئىسرائىلنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: ئىسرائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبېن. رۇبېننىڭ ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر خانوك، پاللۇ، خەزرون، كارمى قاتارلىق جەمەتلەر بولۇپ، جەمئىي 43,730 ئادەم ئىدى. پاللۇنىڭ ئوغلى ئەلىئاب، ئەلىئابنىڭ ئوغۇللىرى نىمۇئېل، داتان ۋە ئابىرام. داتان بىلەن ئابىراملار جامائەت سايلىغان يېتەكچىلەر بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار كوراھ ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى بىلەن بىرلىشىپ، مۇسا بىلەن ھارۇنغا قارشى چىقىپ، پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلغاچقا، يەر يېرىلىپ، ئۇلارنى يۇتۇپ كەتكەنىدى. ئەينى چاغدا يەنە 250 كىشى ئوتتا كۆيۈپ، كېيىنكىلەرگە ئىبرەت بولغانىدى. لېكىن كوراھنىڭ ئەۋلادلىرى پۈتۈنلەي يوقىتالمىغانىدى. شىموننىڭ ئوغۇللىرىدىن نىمۇئېل، يامىن، ياكىن، زەراخ، شائۇل قاتارلىق جەمەتلەر كېلىپ چىققان بولۇپ، جەمئىي 22,200 ئادەم ئىدى. گادنىڭ ئوغۇللىرىدىن زىفون، خاگگى، شۇنىي، ئوزنى، ئەرى، ئارودى، ئارئېلى قاتارلىق جەمەتلەر كېلىپ چىققان بولۇپ، جەمئىي 40,500 ئادەم ئىدى. يەھۇدانىڭ ئىككى ئوغلى ئېر بىلەن ئونان كەنئان زېمىنىدا ۋاپات بولغانىدى. يەھۇدانىڭ باشقا ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر: شېلاھ، پەرەس، زەراخنىڭ جەمەتلىرى. پەرەسنىڭ ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر: خەزرون، خامۇلنىڭ جەمەتلىرى ئىدى. يەھۇدانىڭ ھەرقايسى جەمەتلىرىدىن جەمئىي 76,500 ئادەم ئىدى. ئىسساكارنىڭ ئوغۇللىرىدىن تولاھ، پۇۋاھ، ياشۇب، شىمرون قاتارلىق جەمەتلەر كېلىپ چىققان بولۇپ، جەمئىي 64,300 ئادەم ئىدى. زەبۇلۇننىڭ ئوغۇللىرىدىن سەرەد، ئېلون، ياخلىئېل قاتارلىق جەمەتلەر كېلىپ چىققان بولۇپ، جەمئىي 60,500 ئادەم ئىدى. يۈسۈپنىڭ ماناسسە ۋە ئەفرايىم ئىسىملىك ئىككى ئوغلىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر تۆۋەندىكىلەر ئىدى: ماناسسەنىڭ ماكىر ئىسىملىك ئوغلىدىن كېلىپ چىققان جەمەت، گىلئاد جەمەتى ئىدى. ماناسسە ماكىرنىڭ ئاتىسى، ماكىر گىلئادنىڭ ئاتىسى ئىدى. گىلئادنىڭ ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر ئىئەزەر، خېلەق، ئاسرىئېل، شەكەم، شىمىدا، خېفەر قاتارلىق جەمەتلەر ئىدى. خېفەرنىڭ ئوغلى زىلوفخادنىڭ ئوغلى يوق، پەقەت قىزلىرىلا بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىسىملىرى ماخلاھ، نوئاھ، خوگلاھ، مىلكاھ ۋە تىرزاھ ئىدى. ماناسسەنىڭ جەمەتلىرىدە جەمئىي 52,700 ئادەم بار ئىدى. ئەفرايىمنىڭ ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر شۇتەلاخ، بەكەر، تاخان بولۇپ، شۇتەلاختىن ئېران جەمەتى كېلىپ چىقتى. ئۇلار جەمئىي 32,500 ئادەم ئىدى. يۇقىرىدىكىلەر يۈسۈپنىڭ ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر ئىدى. بىنيامىننىڭ ئوغۇللىرىدىن بەلا، ئاشبېل، ئاخىرام، شىفۇفام، خۇفام قاتارلىق جەمەتلەر، بەلانىڭ ئوغۇللىرىدىن ئارىد ۋە نائامان جەمەتلىرى كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇلار جەمئىي 45,600 ئادەم ئىدى. داننىڭ ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان جەمەت شۇخام جەمەتى بولۇپ، جەمئىي 64,400 ئادەم ئىدى. ئاشېرنىڭ ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر: يىمناھ، يىشۋى، بىرىئا، بىرىئانىڭ ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر: خەبەر، مالكىئېل ئىدى. ئاشېرنىڭ يەنە سەراخ ئىسىملىك بىر قىزى بار ئىدى. ئاشېرنىڭ ھەرقايسى جەمەتلىرىدىن جەمئىي 53,400 ئادەم بار ئىدى. نافتالى ئوغۇللىرىدىن ياخزىئېل، گۇنى، يېزەر، شىللېم قاتارلىق جەمەتلەر كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇلار جەمئىي 45,400 ئادەم ئىدى. ئىسرائىللاردىن رويخەتكە ئېلىنغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 601,730 ئادەم بولدى. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سەن ھەر قەبىلىنىڭ ئادەم سانىغا قاراپ، يەر تەقسىم قىلىپ بەرگىن. ئادەم سانى كۆپلەرگە كۆپرەك، ئادەم سانى ئازلارغا ئازراق بەرگىن. تىزىملانغان ئادەم سانى بويىچە تەقسىم قىلىپ بەرگىن. ئىسرائىللار ھەرقايسى قەبىلىلەر بويىچە تاشلىغان چېكىگە ئاساسەن يەرگە ئىگە بولسۇن. مەيلى چوڭ ياكى كىچىك قەبىلە بولسۇن، تاشلىغان چېكىگە ئاساسەن زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلسۇن. لاۋىي قەبىلىسىنىڭ جەمەتلىرى بويىچە رويخەتكە ئېلىنغانلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: گېرشون، قوھات، مىرارى. بۇ جەمەتلەردىن لىبنى، ھىبرون، ماخلى، مۇشى ۋە كوراھ قاتارلىق جەمەتلەر كېلىپ چىققان. قوھات ئامرامنىڭ ئەجدادى ئىدى. ئامرامنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى يوكەبەد بولۇپ، لاۋىينىڭ قىزى ئىدى. ئۇ مىسىردا تۇغۇلغانىدى. ئۇ ئامرامغا ھارۇن ۋە مۇسا قاتارلىق ئىككى ئوغۇل ۋە مەريەم ئىسىملىك بىر قىز تۇغۇپ بەردى. ھارۇننىڭ ناداب، ئابىھۇ، ئەلئازار ۋە ئىتامار ئىسىملىك تۆت ئوغلى بار ئىدى. لېكىن ناداب بىلەن ئابىھۇ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا چەكلەنگەن ئوتنى ئېلىپ كىرگەنلىكى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەنىدى. لاۋىيلاردا بىر ئايلىقتىن چوڭ ئوغۇل بالىلارنىڭ سانى جەمئىي 23,000 نەپەر بولسىمۇ، ئۇلار باشقا ئىسرائىللار بىلەن بىرلىكتە تىزىملانمىدى، چۈنكى ئۇلارغا باشقا ئىسرائىللارغا ئوخشاش زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلمىگەنىدى. يۇقىرىدىكىلەر مۇسا بىلەن روھانىي ئەلئازار ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدا، ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدە رويخەتكە ئالغان ئىسرائىللارنىڭ سانى ئىدى. لېكىن بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇسا بىلەن روھانىي ھارۇن ئىلگىرى سىناي چۆلىدە بىرىنچى قېتىم رويخەتكە ئالغانلاردىن بىرىمۇ قالمىغانىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئاشۇ چۆلدە چوقۇم ئۆلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. دەرۋەقە يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب ۋە نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋادىن باشقىلىرى ئۆلۈپ تۈگىگەنىدى. بىر كۈنى زىلوفخادنىڭ ياتلىق بولمىغان قىزلىرى ماخلاھ، نوئاھ، خوگلاھ، مىلكاھ ۋە تىرزاھلار ئۆز نېسىۋىسىنى ئېلىشقا كەلدى. ئۇلارنىڭ ئاتىسى زىلوفخاد خېفەرنىڭ ئوغلى، گىلئادنىڭ نەۋرىسى، ماكىرنىڭ ئەۋرىسى، ماناسسەنىڭ چەۋرىسى ئىدى، ماناسسە يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇلار ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، مۇسا، روھانىي ئەلئازار، ئاقساقاللار ۋە بارلىق جامائەتكە مۇنداق دېدى: _ ئاتىمىز چۆلدە ئۆلۈپ كەتتى. ئۇ كوراھ بىلەن بىرگە پەرۋەردىگارغا قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتتى. ئۇنىڭدىن ھېچقانداق ئوغۇل قالمىدى. ئەجەبا ئۇنىڭ ئوغلى بولمىغانلىقى ئۈچۈنلا، ئۇنىڭ نامى جەمەت ئىچىدىن ئۆچۈپ كېتىشى كېرەكمۇ؟ ئاتىمىزنىڭ جەمەتىدىن بىزگىمۇ زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىڭلار. مۇسا ئۇلارنىڭ ئۆتۈنۈشىنى پەرۋەردىگارغا مەلۇم قىلدى. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ زىلوفخادنىڭ قىزلىرىنىڭ دېگەنلىرى ئورۇنلۇق. سەن ئۇلارنىڭ ئاتىسىنىڭ جەمەتىنىڭ زېمىنىدىن بىر ئۈلۈش ئاجرىتىپ بېرىپ، ئۇلارنى ئاتىسىنىڭ زېمىنىغا ۋارىس قىلغىن. سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، ئەگەر ئاتىسى ئۆلۈپ كېتىپ، ئوغلى بولمىسا، زېمىنىغا قىزى ۋارىسلىق قىلسۇن. ئەگەر قىزىمۇ بولمىسا، ئاتىسىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرى ۋارىسلىق قىلسۇن. ئاتىسىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرى بولمىسا، چوڭ دادىسىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرى ۋارىسلىق قىلسۇن. ئەگەر چوڭ دادىسىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرىمۇ بولمىسا، جەمەت ئىچىدىكى ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرى ۋارىسلىق قىلسۇن. مانا بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق ئىسرائىللارغا يەتكۈزگەن ۋە ئۇلار ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان قانۇندۇر. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سەن ئابارىم تېغىغا چىقىپ، مەن ئىسرائىللارغا ئاتا قىلغان زېمىنغا نەزەر سالغىن. ئاندىن كېيىن سەن خۇددى ئاكاڭ ھارۇنغا ئوخشاش ئالەمدىن ئۆتىسەن. چۈنكى زىن چۆلىدە خەلق ماڭا قارشى چىققاندا، سىلەر ئىككىڭلار مېنىڭ ئەمرىمگە ئەمەل قىلماي، خەلقنىڭ ئالدىدا مېنىڭ مۇقەددەسلىكىمگە ھۆرمەت قىلمىدىڭلار. (بۇ ۋەقە زىن چۆلىدىكى كادېشتا، يەنى «مىرىبا سۈيى»دە يۈز بەرگەن.) مۇسا پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى: _ ئى پەرۋەردىگار، سەن ئىنسانغا ھاياتلىق ئاتا قىلغۇچى خۇدادۇرسەن. سەندىن ئۆتۈنەي، بۇ خەلققە بىر يېتەكچى تەيىنلىگەيسەن، ئۇ، خەلقىڭنى يېتەكلىسۇن. ھازىر بۇ خەلق خۇددى پادىچىسى يوق قويلارغا ئوخشاپ قالدى. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋادا مېنىڭ روھىم بار. سەن ئۇنى باشلاپ كېلىپ، قولۇڭنى ئۇنىڭ بېشىغا قويغىن. ئۇنى روھانىي ئەلئازار ۋە پۈتۈن جامائەتنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزۇپ، ئۇنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا يېتەكچى قىلىپ تەيىنلىگىن. سەن ھوقۇقۇڭدىن بىر قىسمىنى ئۇنىڭغا ئۆتكۈزۈپ بەرگىن، پۈتۈن ئىسرائىللار ئۇنىڭغا بويسۇنىدۇ. بىر ئىشقا يولۇقسا، روھانىي ئەلئازارنىڭ يېنىغا بارسۇن. ئۇ يوشۇۋاغا ۋاكالىتەن «ئۇرىم» ئارقىلىق مېنىڭ ئىرادەمنى سورايدۇ. ھەرقانداق ئىشتا يوشۇۋا ۋە پۈتۈن جامائەت مېنىڭ كۆرسەتمەم بويىچە ئىش قىلسۇن. مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە يوشۇۋانى چاقىرىپ كېلىپ، ئۇنى روھانىي ئەلئازار ۋە پۈتۈن جامائەتنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزدى. ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە قولىنى ئۇنىڭ بېشىغا قويۇپ، ئۇنى يېتەكچى قىلىپ تەيىنلىدى. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىللارغا بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «ئۇلار مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ۋە مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق يېمەكلىك ھەدىيەلىرىنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتلاردا سۇنۇشقا دىققەت قىلسۇن. تۆۋەندىكىلەر ئۇلارنىڭ مەن پەرۋەردىگارغا سۇنىدىغان كۈندىلىك ھەدىيەلىرىدۇر: ھەر كۈنى ئىككى تۇياق بىر ياشلىق بېجىرىم ئەركەك پاقلان كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنسۇن، بىرى ئەتىگەندە، بىرى گۇگۇم چۈشكەندە قىلىنسۇن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر كىلو سۈپەتلىك ئۇنغا بىر لىتىر زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلۇپ، ئاشلىق ھەدىيەسى قىلىنسۇن. بۇلار سىناي تېغىدا بەلگىلەنگەن كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولۇپ، ماڭا ئاتاپ كۆيدۈرۈلگەن ۋە مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيەلەردۇر. ھەربىر قۇربانلىق قىلىنغان پاقلانغا قوشۇپ بىر لىتىر شاراب ئىچىملىك ھەدىيەسى سۈپىتىدە ھەدىيە قىلىنسۇن، بۇ ئىچىملىك ھەدىيەسى ماڭا ئاتالغان قۇربانلىق سۇپىسىغا قۇيۇلسۇن. گۇگۇم چۈشكەندە، پاقلان ھەدىيەسى قىلغان ۋاقتىدىمۇ ئەتىگەندىكىگە ئوخشاش ئاشلىق بىلەن ئىچىملىك ھەدىيەسى سۇنۇلۇپ، ماڭا ئاتاپ مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق قۇربانلىق ھەدىيە قىلىنسۇن.» «دەم ئېلىش كۈنىدە بېجىرىم بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن ئىككى تۇياق قۇربانلىق قىلىنسۇن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىككى كىلو سۈپەتلىك ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلۇپ، ئاشلىق ھەدىيەسى بىلەن ئىچىملىك ھەدىيەسى قىلىنسۇن. بۇ، ئادەتتىكى كۈنلەردە قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا، دەم ئېلىش كۈنلىرى قىلىنىدىغان ھەدىيەلەردۇر.» «ئاي بېشىدا مەن پەرۋەردىگارغا ئىككى بۇقا، بىر قوچقار ۋە يەتتە تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنسۇن، ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان سۈپەتلىك ئۇندىن ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنۇلسۇن. ھەربىر بۇقا ئۈچۈن ئۈچ كىلو، ھەربىر قوچقار ئۈچۈن ئىككى كىلو، ھەربىر پاقلان ئۈچۈن بىر كىلودىن ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنۇلسۇن. بۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق ماڭا ئاتالغان ۋە مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيەدۇر. ماللار قۇربانلىق قىلىنغاندا، ئۇلارغا قوشۇپ ئىچىملىك ھەدىيەلىرى سۇنۇلسۇن. ھەربىر بۇقا ئۈچۈن ئىككى لىتىر شاراب، ھەربىر قوچقار ئۈچۈن بىر يېرىم لىتىر شاراب، ھەربىر پاقلان ئۈچۈن بىر لىتىر شاراب قوشۇپ ھەدىيە قىلىنسۇن. بۇلار مەن پەرۋەردىگارغا سۇنۇلىدىغان ھەدىيەلەردۇر. ھەربىر يىلنىڭ ھەممە ئايلىرىدا مۇشۇنداق ھەدىيەلەر قىلىنسۇن. كۈندىلىك قۇربانلىقلاردىن باشقا يەنە بىر تېكە گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە مەن پەرۋەردىگارغا سۇنۇلسۇن. كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارغا قوشۇپ، ئىچىملىك ھەدىيەلىرىمۇ سۇنۇلسۇن.» «1-ئاينىڭ 14-كۈنى مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى خاتىرىلەڭلار. 15-كۈنىدىن باشلاپ پېتىر نان ھېيتى باشلىنىدۇ. سىلەر مۇشۇ كۈندىن باشلاپ يەتتە كۈنگىچە پېتىر نان يەڭلار. بىرىنچى كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار. بۇ كۈنى ئىككى بۇقا، بىر قوچقار ۋە يەتتە تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان مەن پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنسۇن، ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان سۈپەتلىك ئۇندىن ئاشلىق ھەدىيەسى قىلىنسۇن. ھەربىر بۇقا ئۈچۈن ئۈچ كىلو، ھەربىر قوچقار ئۈچۈن ئىككى كىلو، ھەربىر پاقلان ئۈچۈن بىر كىلودىن ئاشلىق ھەدىيەسى قىلىنسۇن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە گۇناھىڭلارنىڭ قىلىنىشى ئۈچۈن بىر تۇياق تېكە گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىنسۇن. ھەر كۈنى ئەتىگىنى قىلىنىدىغان كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقلاردىن باشقا يەنە ھېيت كۈنى قىلىنىدىغان قۇربانلىقلار قىلىنسۇن. شۇ بويىچە ئۇدا يەتتە كۈن ھەر كۈنى مۇشۇنداق قۇربانلىقلار قىلىنسۇن. بۇ ماڭا ئاتالغان ۋە مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق قۇربانلىقتۇر. بۇنىڭدىن باشقا، كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بىلەن ئىچىملىك ھەدىيەلىرى سۇنۇلسۇن. يەتتىنچى كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار.» «ئورما ھېيتى كۈنى، يەنى سىلەرنىڭ تۇنجى پىشقان ئاشلىقىڭلاردىن مەن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلىدىغان كۈنى سىلەر مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار. ئىككى بۇقا، بىر قوچقار ۋە يەتتە تۇياق بىر ياشلىق پاقلاننى قۇربانلىق قىلىڭلار. بۇ قۇربانلىقلار مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدۇ. بۇ قۇربانلىقلار بىلەن بىرگە زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان سۈپەتلىك ئۇندىن ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنۇڭلار. ھەربىر بۇقا ئۈچۈن ئۈچ كىلو، ھەربىر قوچقار ئۈچۈن ئىككى كىلو، ھەربىر پاقلان ئۈچۈن بىر كىلودىن ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنۇڭلار. بۇنىڭدىن باشقا بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار. بۇ قۇربانلىقلار ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا، كۈندىلىك قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسىمۇ سۇنۇلسۇن. مالنىڭ ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن.» «7-ئاينىڭ 1-كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار. بۇ كۈندە بۇرغا چېلىنسۇن. پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇڭلار، قۇربانلىق قىلىنىدىغان ماللار بېجىرىم بولغان بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە يەتتە تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولسۇن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان سۈپەتلىك ئۇننى ئاشلىق ھەدىيەسى قىلىپ سۇنۇڭلار. ھەربىر بۇقىغا ئۈچ كىلو، ھەربىر قوچقارغا ئىككى كىلو، ھەربىر پاقلانغا بىر كىلودىن ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنۇڭلار. بۇنىڭغا قوشۇپ گۇناھىڭلارنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈن بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار. بۇنىڭدىن باشقا ھەر ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى سۇنۇلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسى، كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىمۇ سۇنۇلسۇن. بۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ۋە ئۇنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيەلەردۇر.» «7-ئاينىڭ 10-كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، روزا تۇتۇڭلار، ئىش قىلماڭلار. مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇڭلار. بېجىرىم بولغان بۇقىدىن بىرنى، قوچقاردىن بىرنى، بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن يەتتىنى قۇربانلىق قىلىڭلار. شۇنىڭ بىلەن بىرگە زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان سۈپەتلىك ئۇندىن ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنۇڭلار. ھەربىر بۇقىغا ئۈچ كىلو، ھەربىر قوچقارغا ئىككى كىلو، ھەربىر پاقلانغا بىر كىلودىن ئاشلىق ھەدىيەسى قىلىڭلار. گۇناھتىن ساقىت قىلىنىش كۈنىدىكى قۇربانلىقلار ۋە كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار شۇنداقلا ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا، يەنە بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار.» «7-ئاينىڭ 15-كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار. مەن پەرۋەردىگار ئۈچۈن يەتتە كۈن ھېيت قىلىڭلار. مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بۇقىدىن 13 تۇياق، قوچقاردىن 2 تۇياق، بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن 14 تۇياق كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىڭلار، مالنىڭ ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن. بۇ مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان سۈپەتلىك ئۇندىن ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنۇڭلار. ھەربىر بۇقا ئۈچۈن ئۈچ كىلو، ھەربىر قوچقار ئۈچۈن ئىككى كىلو، ھەربىر پاقلان ئۈچۈن بىر كىلودىن توغرىلاپ ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنۇلسۇن. كۈندىلىك قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا يەنە بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار. ھېيتنىڭ 2-كۈنى بېجىرىم بولغان بۇقىدىن 12 تۇياق، قوچقاردىن 2 تۇياق ۋە بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن 14 تۇياق قۇربانلىق قىلىڭلار. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەلگىلەنگەن مىقداردىكى ئاشلىق، ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى بۇقا، قوچقار ۋە پاقلانغا قوشۇپ ھەدىيە قىلىڭلار. كۈندىلىك قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئۇنىڭغا قوشۇلغان ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار. ھېيتنىڭ 3-كۈنى بېجىرىم بولغان بۇقىدىن 11 تۇياق، قوچقاردىن 2 تۇياق، بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن 14 تۇياق قۇربانلىق قىلىڭلار. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەلگىلەنگەن مىقداردىكى ئاشلىق، ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى بۇقا، قوچقار ۋە پاقلانغا قوشۇپ ھەدىيە قىلىڭلار. كۈندىلىك قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا يەنە بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار. ھېيتنىڭ 4-كۈنى بېجىرىم بولغان بۇقىدىن 10 تۇياق، قوچقاردىن 2 تۇياق، بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن 14 تۇياق قۇربانلىق قىلىڭلار. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەلگىلەنگەن مىقداردىكى ئاشلىق، ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى بۇقا، قوچقار ۋە پاقلانغا قوشۇپ ھەدىيە قىلىڭلار. كۈندىلىك قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا يەنە بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار. ھېيتنىڭ 5-كۈنى بېجىرىم بولغان بۇقىدىن 9 تۇياق، قوچقاردىن 2 تۇياق، بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن 14 تۇياق قۇربانلىق قىلىڭلار. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەلگىلەنگەن مىقداردىكى ئاشلىق، ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى بۇقا، قوچقار ۋە پاقلانغا قوشۇپ ھەدىيە قىلىڭلار. كۈندىلىك قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا يەنە بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار. ھېيتنىڭ 6-كۈنى بېجىرىم بولغان بۇقىدىن 8 تۇياق، قوچقاردىن 2 تۇياق، بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن 14 تۇياق قۇربانلىق قىلىڭلار. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەلگىلەنگەن مىقداردىكى ئاشلىق، ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى بۇقا، قوچقار ۋە پاقلانغا قوشۇپ ھەدىيە قىلىڭلار. كۈندىلىك قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا يەنە بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار. ھېيتنىڭ 7-كۈنى بېجىرىم بولغان بۇقىدىن 7 تۇياق، قوچقاردىن 2 تۇياق، بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن 14 تۇياق قۇربانلىق قىلىڭلار. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەلگىلەنگەن مىقداردىكى ئاشلىق، ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى بۇقا، قوچقار ۋە پاقلانغا قوشۇپ ھەدىيە قىلىڭلار. كۈندىلىك قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا يەنە بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار. ھېيتنىڭ 8-كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار. مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بۇقىدىن بىرنى، قوچقاردىن بىرنى، بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن يەتتە تۇياق كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىڭلار، مالنىڭ ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن. بۇلار مېنى مەمنۇن قىلىدىغان ھەدىيە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەلگىلەنگەن مىقداردىكى ئاشلىق، ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى بۇقا، قوچقار ۋە پاقلانغا قوشۇپ ھەدىيە قىلىڭلار. كۈندىلىك قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا يەنە بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار. بۇلار سىلەرنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىتلاردا مەن پەرۋەردىگارغا سۇنىدىغان ھەدىيەڭلاردۇر. بۇ قەسىمىڭلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ياكى خالىس قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن سۇنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق، ئىچىملىك ۋە ئامانلىق ھەدىيەلىرىڭلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.» مۇسا پەرۋەردىگار ئەمر قىلغان بارلىق سۆزلەرنى ئىسرائىللارغا يەتكۈزدى. مۇسا ئىسرائىل قەبىلە باشلىقلىرىغا مۇنداق دېدى: _ تۆۋەندىكىلەر پەرۋەردىگارنىڭ قىلغان ئەمرلىرىدۇر: «بىر ئەر كىشى پەرۋەردىگار ئالدىدا ۋەدە قىلغان ياكى بىر ئىشنى قىلماسلىققا قەسەم قىلغان بولسا، سۆزىدە تۇرۇپ، ئاغزىدىن چىققانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بېجىرسۇن. بىر قىز بالا تېخى ئاتىسىنىڭ ئۆيىدىكى ۋاقتىدا پەرۋەردىگارغا ۋەدە قىلغان ياكى بىر ئىشنى قىلماسلىققا قەسەم قىلغان بولسا، ئاتىسى ئاڭلاپ قارشى تۇرمىسا، ئۇ چوقۇم قىلغان ۋەدىسى ياكى قەسىمىنى بېجىرسۇن. ئەگەر ئاتىسى ئاڭلىغىنىدا قارشى تۇرسا، قىزنىڭ ۋەدىسى ۋە قەسىمى ئىناۋەتسىز بولىدۇ. پەرۋەردىگار قىزنى قىلغان ۋەدىسى ياكى قەسىمىدىن ئازاد قىلىدۇ، چۈنكى ئاتىسى قىزنىڭ ۋەدىسى ۋە قەسىمىگە قارشى تۇردى. ئەگەر نىكاھلانمىغان بىر قىز ۋەدە قىلىپ ياكى ئويلىماستىن مەلۇم بىر ئىشنى قىلماسلىققا قەسەم قىلىپ، نىكاھلانغاندىن كېيىن، ئېرى بۇنى ئاڭلاپ قارشى تۇرمىسا، ئۇ ئايال چوقۇم قىلغان ۋەدىسى ياكى قەسىمىنى بېجىرسۇن. ئەگەر ئېرى ئاڭلىغىنىدا قارشى تۇرسا، ئايالىنىڭ قىلغان ۋەدىسى ياكى ئويلىماستىن قىلغان قەسىمىنى ئىناۋەتسىز قىلىدۇ. شۇندىلا پەرۋەردىگار قىزنى قىلغان ۋەدىسى ياكى قەسىمىدىن ئازاد قىلىدۇ. لېكىن تۇل ئايال ياكى ئەردىن ئاجراشقان ئايال قىلغان ھەرقانداق ۋەدىسى ياكى قەسىمىدە تۇرۇشى كېرەك. ئەگەر نىكاھلانغان ئايال ۋەدە قىلغان ياكى بىر ئىشنى قىلماسلىققا قەسەم قىلغان بولسا، ئېرى ئاڭلاپ، ئۈندىمىسە، قارشى تۇرمىسا، ئايال چوقۇم قىلغان ۋەدىسى ياكى قەسىمىنى بېجىرسۇن. ئەگەر ئېرى ئاڭلىغىنىدا ئۇلارنى ئىناۋەتسىز قىلسا، ئايالىنىڭ قىلغان ۋەدىسى ياكى ئويلىماستىن قىلغان قەسىمى ئىناۋەتسىز بولىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئېرى ئۇلارنى ئىناۋەتسىز قىلغاندۇر. پەرۋەردىگار ئايالنى قىلغان ۋەدىسى ياكى قەسىمىدىن ئازاد قىلىدۇ. ئېرىنىڭ ئايالىنىڭ قىلغان ۋەدىسى ياكى بىر ئىشنى قىلماسلىققا قىلغان قەسىمىنى ئېتىراپ قىلىش ياكى ئىناۋەتسىز قىلىش ھوقۇقى بار. لېكىن ئېرى ئايالىنىڭ ۋەدىسىنى ياكى قەسىمىنى ئاڭلىغان كۈنى قارشى تۇرمىغان بولسا، ئايالى قىلغان ۋەدىسى ياكى قەسىمىنى بېجىرسۇن. ئېرى ئۇنىڭ ۋەدىسىنى ياكى قەسىمىنى ئاڭلىغان كۈنى قارشى تۇرمىغان بولسا، ئايالىنىڭ ۋەدىسىنى ياكى قەسىمىنى ئېتىراپ قىلغان بولىدۇ. ئەگەر ئېرى دەل ئاشۇ كۈنى ئېتىراپ قىلىپ، كېيىن يېنىۋالسا، ئېرى ئايالىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.» يۇقىرىقىلار پەرۋەردىگار مۇسا ئارقىلىق ئەمر قىلغان ئەر بىلەن ئايال، ئاتا بىلەن قىز ئوتتۇرىسىدا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك نىزاملاردۇر. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىللار ئۈچۈن مىديانلاردىن قىساس ئالغىن، ئاندىن سەن ئالەمدىن ئۆتىسەن. مۇسا خەلققە مۇنداق دېدى: _ ئەرلەر قولۇڭلارغا قورال ئېلىپ، مىديانلارغا ھۇجۇم قىلىڭلار! پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە قىساس ئالىمىز. ئىسرائىللارنىڭ ھەربىر قەبىلىسى جەڭ قىلىش ئۈچۈن مىڭدىن ئادەم چىقىرىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارنىڭ ھەربىر قەبىلىسى مىڭدىن ئادەم چىقاردى. ئۇلار جەمئىي 12 مىڭ ئادەمنى قوراللاندۇردى. مۇسا ھەربىر قەبىلىدىن چىققان مىڭ ئادەمنى روھانىي ئەلئازارنىڭ ئوغلى پىنىخاس بىلەن بىرگە جەڭگە ئاتلاندۇردى. پىنىخاس ئىبادەت چېدىرىدىكى مۇقەددەس بۇيۇملار ۋە ھۇجۇم قىلىش ۋاقتىدا چېلىنىدىغان كانايلارنى ئېلىپ ماڭدى. ئۇلار پەرۋەردىگار مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمر بويىچە مىديانلارغا ھۇجۇم قىلىپ، مىديانلارنىڭ ھەممە ئەرلىرىنى ئۆلتۈردى. بۇلارنىڭ ئىچىدە مىديانلارنىڭ ئەۋى، رەقەم، زۇر، خۇر ۋە رەبا قاتارلىق بەش پادىشاھىمۇ بار ئىدى. ئۇلار يەنە بىئورنىڭ ئوغلى بىلئامنىمۇ ئۆلتۈردى. ئىسرائىللار مىديانلارنىڭ خوتۇن-قىزلىرى ۋە بالىلىرىنى ئەسىر ئېلىپ، پۈتۈن چارۋا ماللىرىنى ۋە مال-مۈلكىنى ئولجا ئالدى. ئۇلارنىڭ شەھەر، يېزا ۋە قارارگاھلىرىغا ئوت قويۇۋېتىپ، ئەسىر ۋە ئولجا ئالغان ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ بىرىنىمۇ قويماي ئېلىپ كەتتى. ئۇلار ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى، يەنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدىكى قارارگاھىغا كېلىپ، ئەسىرلەر ۋە بارلىق ئولجىلارنى مۇسا، روھانىي ئەلئازار ۋە ئىسرائىل جامائىتىگە تاپشۇردى. مۇسا، روھانىي ئەلئازار ۋە خەلقنىڭ ئاقساقاللىرى قارارگاھنىڭ سىرتىغا چىقىپ، ئۇلارنى كۈتۈۋالدى. لېكىن مۇسا جەڭدىن قايتىپ كەلگەن لەشكەر باشلىرى بولغان مىڭبېشى ۋە يۈزبېشىلارغا ئاچچىقلىنىپ، مۇنداق دېدى: _ سىلەر نېمىشقا بۇ ئاياللارنى ھايات قالدۇردۇڭلار؟ دەل مۇشۇ ئاياللار پىئوردىكى ۋاقتىمىزدا بىلئامنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن خەلقىمىزنى ئازدۇرۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلدۇرغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۈستىمىزگە ۋابا كېسىلى چۈشۈرمىدىمۇ؟ ھازىر سىلەر بارلىق ئوغۇل بالىلارنى ۋە ئەرلەر بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغان بارلىق ئاياللارنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار. لېكىن ئىپپەتلىك قىزلارنى ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ساقلاپ قالساڭلار بولىدۇ. ئادەم ئۆلتۈرگەنلەر ۋە جەسەتنى تۇتقانلار يەتتە كۈنگىچە قارارگاھنىڭ سىرتىدا تۇرسۇن. ئۈچىنچى ۋە يەتتىنچى كۈنلىرى ئۆزلىرىنى ۋە ئەسىرلىرىنى پاكلىسۇن. شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ بارلىق كىيىم-كېچەكلىرىنى، خۇرۇم بۇيۇملىرىنى، ئۆچكە يۇڭىدا توقۇلغان نەرسىلىرىنى ۋە ياغاچ ئەسۋابلىرىنى پاكلىسۇن. روھانىي ئەلئازار جەڭدىن قايتىپ كەلگەن لەشكەرلەرگە مۇنداق دېدى: _ تۆۋەندىكىلەر پەرۋەردىگار مۇساغا ئەمر قىلغان قانۇندۇر: ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈر، قەلەي، قوغۇشۇن قاتارلىق ئوتقا چىداملىق نەرسىلەر ئوت بىلەن پاكلانسۇن. بۇنىڭدىن باشقا بۇ نەرسىلەر پاكلىنىش سۈيىگە سېلىنىشى كېرەك. ئوتتا كۆيىدىغان ھەرقانداق نەرسىلەر پاكلىنىش سۈيىگە سېلىنىشى كېرەك. يەتتىنچى كۈنى كىيىملىرىڭلارنى يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن پاكلىنىسىلەر. ئاندىن قارارگاھقا قايتساڭلار بولىدۇ. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سەن، روھانىي ئەلئازار ۋە خەلقنىڭ جەمەت باشلىقلىرى بىرلىكتە ئەسىرلەرنىڭ ۋە ئولجا ئېلىنغان چارۋا ماللارنىڭ سانىنى ئېنىقلاپ چىقىڭلار. ئاندىن بۇلارنى ئىككىگە بۆلۈڭلار. بىر قىسمىنى جەڭگە قاتناشقان لەشكەرلەرگە، يەنە بىر قىسمىنى خەلققە تەقسىملەپ بېرىڭلار. لەشكەرلەرگە بۆلۈنگەن ئەسىر، كالا، ئېشەك ۋە قوي-ئۆچكىلەرنىڭ بەش يۈزدىن بىر ئۈلۈشىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، روھانىي ئەلئازارغا بېرىڭلار. خەلققە تەقسىملەنگەن ئەسىر، كالا، ئېشەك ۋە قوي-ئۆچكىلەرنىڭ ئەللىكتىن بىر ئۈلۈشىنى مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىغا قارايدىغان لاۋىيلارغا بېرىڭلار. مۇسا بىلەن روھانىي ئەلئازار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە ئىش قىلدى. جەڭدە لەشكەرلەر ئالغان ئولجىلارنىڭ ئىچىدە 675,000‏ قوي، ‏72,000 كالا، 61,000 ئېشەك، 32,000 ئىپپەتلىك قىز بار ئىدى. جەڭگە قاتناشقان لەشكەرلەرگە بۇ ئولجىلاردىن تۆۋەندىكىلەر تەقسىم قىلىندى: 337,500 قوي، بۇلاردىن 675 تۇيىقى پەرۋەردىگارغا ئاتالدى؛ 36,000 كالا، بۇلاردىن 72 تۇيىقى پەرۋەردىگارغا ئاتالدى؛ 30,500 ئېشەك، بۇلاردىن 61 تۇيىقى پەرۋەردىگارغا ئاتالدى؛ 16,000 ئىپپەتلىك قىز، بۇلاردىن 32 نەپىرى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە ئاتالدى. مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئولجىلارنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان قىسمىنى روھانىي ئەلئازارغا بەردى. مۇسا جەڭدىن ئېلىنغان ئولجىلاردىن ئىسرائىل خەلقىگە تېگىشلىك بولغان قىسمىنى ئۇلارغا بەردى. بۇلار 337,500 قوي، 36,000 كالا، 30,500 ئېشەك، 16,000 ئىپپەتلىك قىز ئىدى. مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە خەلقنىڭ ئولجىلىرىدىن چىقىرىۋېلىنغان ئەللىكتىن بىر ئۈلۈشىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىغا قارايدىغان لاۋىيلارغا بەردى. قوشۇننىڭ لەشكەر باشلىرى قول ئاستىمىزدىكى لەشكەرلەرنىڭ سانىنى ئالدۇق. بىرمۇ لەشكەر چىقىم بولماپتۇ. ئەمدى بىز ھەربىرىمىز ئولجا ئالغان ئالتۇن بۇيۇملار، بىلەكنىڭ تۆۋىنى ۋە يۇقىرىسىغا تاقايدىغان بىلەزۈكلەر، مۆھۈرلۈك ئۈزۈك، ھالقا، زەنجىر قاتارلىقلارنى گۇناھىمىزنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلماقچى، _ دېدى. مۇسا ۋە روھانىي ئەلئازار ئۇلار ئېلىپ كەلگەن بارلىق ئالتۇن بۇيۇملارنى تاپشۇرۇپ ئالدى. مىڭبېشىلار ۋە يۈزبېشىلار پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلىش ئۈچۈن مۇسا ۋە روھانىي ئەلئازارغا تاپشۇرغان ئالتۇنلار 200 كىلو ئىدى. لەشكەرلەر ئۆزلىرى ئىگە بولغان ئولجىلىرىنى ساقلاپ قالدى. ئىسرائىل خەلقىنى پەرۋەردىگارىمىز دائىم ئېسىدە تۇتۇشى ئۈچۈن مۇسا بىلەن روھانىي ئەلئازار، مىڭبېشىلار ۋە يۈزبېشىلار ھەدىيە قىلغان ئالتۇنلارنى ئۇچرىشىش چېدىرىغا ئېلىپ كىردى. رۇبېن قەبىلىسى بىلەن گاد قەبىلىسىنىڭ نۇرغۇن چارۋا ماللىرى بار ئىدى. ئۇلار يازېر بىلەن گىلئاد دىيارلىرىنىڭ مال بېقىشقا مۇۋاپىق يەر ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، مۇسا، روھانىي ئەلئازار ۋە ئاقساقاللارنىڭ ئالدىغا بېرىپ مۇنداق دېدى: _ ئاتاروت، دىبون، يازېر، نىمراھ، خەشبون، ئەلئالى، سىبام، نىبو، بىئون قاتارلىق پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا بويسۇندۇرۇپ بەرگەن بۇ زېمىنلار مال بېقىشقا مۇۋاپىق ياخشى جايلار ئىكەن. بىز كەمىنە خىزمەتكارلىرىنىڭ نۇرغۇنلىغان چارۋا ماللىرىمىز بار. ئەگەر بىزگە ئىلتىپات كۆرسەتسەڭلار، بۇ يەرلەرنى بىزگە تەقسىم قىلىپ بېرىپ، بىزنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتكۈزۈۋەتمىگەيسىلەر. مۇسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ ئەجەبا سىلەر بۇ يەردە قېلىپ، باشقا قېرىنداشلىرىڭلارنى ئۇرۇشقا ئەۋەتمەكچىمۇ؟ سىلەر نېمىشقا ئىسرائىلىيە لەشكەرلىرىنىڭ يۈرىكىگە ۋەسۋەسە سېلىپ، ئۇلارنى پەرۋەردىگار ئاتا قىلغان زېمىنغا كىرىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان قىلىپ قويىسىلەر؟ ئىلگىرى مەن كادېش-بارنېيادىكى ۋاقتىمدا ئاتىلىرىڭلارنى ئۇ يەرنى چارلاپ كېلىشكە ئەۋەتسەم، ئۇلارمۇ شۇنداق قىلغانىدى. ئۇلار ئەشكول جىلغىسىغا بېرىپ، ئەھۋال ئىگىلەپ كەلگەندىن كېيىن، ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆڭلىگە ۋەسۋەسە سېلىپ، ئۇلارنى پەرۋەردىگار ئاتا قىلغان زېمىنغا كىرىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان قىلىپ قويغانىدى. ئۇ كۈنى پەرۋەردىگار غەزەپلىنىپ، قەسەم قىلىپ، مۇنداق دېگەنىدى: «مىسىردىن چىققان، يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى ھېچبىر ئادەم مەن ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان ئاشۇ زېمىننى كۆرەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭا ئەگەشمىدى. پەقەت قېناز جەمەتىدىن بولغان يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋالا كىرەلەيدۇ، چۈنكى ئۇلار پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭا ئەگەشتى.» پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا غەزەپلىنىپ، ئۇلارنى چۆلدە قىرىق يىل سەرسان قىلدى. بۇ ئىش تاكى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل ھېسابلانغان ئاشۇ ئەۋلاد كىشىلەر ئۆلۈپ تۈگىگۈچە داۋاملاشتى. ئاشۇ بىر توپ گۇناھكارلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى بولغان سىلەر، ئەمدى يەنە ئاتىلىرىڭلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ، پەرۋەردىگارنى تېخىمۇ غەزەپلەندۈرمەكچىمۇ؟! ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈسەڭلار، پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنى ئىككىنچى قېتىم چۆلگە ئاپىرىپ تاشلايدۇ. ئۇ چاغدا سىلەرنىڭ تۈپەيلىڭلاردىن پۈتۈن خەلق ۋەيران بولىدۇ. ئۇلار مۇساغا يېقىن كېلىپ مۇنداق دېدى: _ ئۇنداقتا بىز بۇ يەردە چارۋا ماللىرىمىزغا قوتان، ئۆزىمىزگە شەھەرلەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقايلى. ئائىلىمىزدىكىلەرنى مۇستەھكەم شەھەر ئىچىدە قالدۇرۇپ، يەرلىك خەلقلەرنىڭ تەھدىتىدىن قۇتۇلدۇرايلى. ئاندىن بىز قوراللىرىمىزنى ئېلىپ، ئالدىنقى سەپكە بېرىپ، تاكى باشقا ئىسرائىل قېرىنداشلىرىمىز ئۇلارنىڭ زېمىنىنى تارتىۋالغۇچە جەڭ قىلايلى. باشقا قېرىنداشلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ زېمىنلىرىغا ئىگىدارچىلىق قىلمىغۇچە، ھەرگىز ئۆيلىرىمىزگە قايتمايمىز. لېكىن بىز ئۇلار بىلەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا زېمىن بۆلۈشمەيمىز. چۈنكى بىز ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى زېمىنلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىمىز. مۇسا مۇنداق دېدى: _ ئەگەر سىلەر ۋەدەڭلاردا تۇرساڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قوراللىرىڭلارنى ئېلىپ جەڭگە چىقىڭلار. پۈتۈن قوشۇنۇڭلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، تاكى پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ دۈشمەنلىرىنى يوقاتقۇچە، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئاشۇ زېمىنلارنى بويسۇندۇرغۇچە جەڭ قىلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆيۈڭلارغا قايتساڭلار بولىدۇ. ئاندىن سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىڭلارنى ئادا قىلغان بولىسىلەر. بۇ زېمىننى پەرۋەردىگار سىلەرگە مەنسۇپ قىلىدۇ. ئەگەر سىلەر ۋەدەڭلاردا تۇرمىساڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلغان بولىسىلەر، ئۇنىڭ جازاسىدىن قۇتۇلالمايسىلەر. سىلەر ھازىر بېرىپ، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن شەھەر بەرپا قىلىڭلار، چارۋا ماللىرىڭلار ئۈچۈن قوتان ياساڭلار. بەرگەن ۋەدەڭلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار. گاد ۋە رۇبېننىڭ قەبىلىسىدىكىلەر مۇساغا مۇنداق دېدى: _ بىز كەمىنە خىزمەتكارلىرى سىلىنىڭ بۇيرۇغانلىرى بويىچە ئىش كۆرىمىز. ئاياللىرىمىز، بالىلىرىمىز، چارۋا ماللىرىمىزنىڭ ھەممىسى گىلئادنىڭ شەھەرلىرىدە قالىدۇ. خىزمەتكارلىرىنىڭ ئارىسىدىكى جەڭ قىلالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى سىلىنىڭ بۇيرۇغانلىرى بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا دەريادىن ئۆتۈپ، جەڭ قىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن مۇسا روھانىي ئەلئازار، نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ۋە ئىسرائىلىيە قەبىلىلىرىدىكى جەمەت باشلىقلىرىغا مۇنداق دېدى: _ ئەگەر گاد ۋە رۇبېن قەبىلىلىرىدىكى بارلىق جەڭ قىلالايدىغان ئەرلەر سىلەر بىلەن بىرگە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ جەڭ قىلسا، سىلەر ئۇ زېمىننى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، گىلئاد زېمىنىنى ئۇلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىڭلار. ئەگەر گاد بىلەن رۇبېن قەبىلىلىرىدىكىلەر قوراللىرىنى قولىغا ئالمىسا، سىلەر بىلەن بىرلىكتە دەريادىن ئۆتۈپ جەڭ قىلمىسا، ئۇلارغا بۇ تەرەپتىن زېمىن بېرىلمىسۇن، ئۇلار چوقۇم باشقا قەبىلىلەر بىلەن بىرلىكتە كەنئاندىن ئۆزىگە تېگىشلىك زېمىننى جەڭ قىلىپ ئېلىشى كېرەك. گاد بىلەن رۇبېن قەبىلىلىرىدىكىلەر ئىككىنچى قېتىم يەنە مۇنداق دېدى: _ بىز كەمىنە خىزمەتكارلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئىش تۇتىمىز. بىز چوقۇم قوراللىرىمىزنى ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا دەريادىن ئۆتۈپ، كەنئاندا جەڭ قىلىمىز. كېيىن بىز قايتىپ كېلىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىن زېمىن ئالىمىز. شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئامورلار پادىشاھى سىخون بىلەن باشان پادىشاھى ئوگنىڭ پۈتۈن زېمىنلىرىنى ۋە ئەتراپتىكى يېزا-قىشلاقلارنى گاد، رۇبېن قەبىلىلىرىگە ۋە يۈسۈپنىڭ ئوغلىدىن بولغان ماناسسەنىڭ قەبىلىسىنىڭ يېرىمىغا تەقسىم قىلىپ بەردى. گاد قەبىلىسى دىبون، ئاتاروت، ئاروئېر، ئاتروت-شوفان، يازېر، يوگبوھا، بەيت-نىمراھ، بەيت-ھاران قاتارلىق مۇستەھكەم شەھەرلەرنى قايتىدىن بىنا قىلدى ۋە چارۋا ماللار ئۈچۈن قوتانلارنى ياسىدى. رۇبېننىڭ قەبىلىسى خەشبون، ئەلئالى، قىرياتائىم، نىبو، بائال-مىئون (بۇ ئىككى شەھەرنىڭ ئىسىملىرى كېيىن ئۆزگەرتىلدى) ۋە سىبماھ قاتارلىق شەھەرلەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى. ماناسسەنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئەۋلادلىرى گىلئادنى ئىگىلەپ، ئۇ يەردىكى ئامورلارنى قوغلاپ چىقارغانىدى. مۇسا گىلئادنى ماناسسەنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئەۋلادلىرىغا بەردى، ئۇ شۇ يەردە ئولتۇراقلاشتى. ماناسسەنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان يائىر گىلئادنىڭ شەھەرلىرىنى بېسىۋېلىپ، بۇ شەھەرلەرگە «يائىرنىڭ شەھەرلىرى» دەپ نام قويدى. نوباخ ئىسىملىك كىشى قېنات شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارنى بېسىۋېلىپ، ئۇ شەھەرنى ئۆز ئىسمى بىلەن «نوباخ» دەپ ئاتىدى. تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىللارنىڭ مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ يېتەكچىلىكىدە قوشۇنلىرى بىلەن مىسىردىن ئايرىلغاندىن كېيىن، بېسىپ ئۆتكەن سەپەر جەريانلىرىدۇر. مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ھەر قېتىملىق قارارگاھ قۇرغان ۋە قوزغالغان جايلىرىنى خاتىرىلەپ ماڭدى. تۆۋەندىكىلەر ئۇلار قارارگاھ قۇرغان جايلاردۇر. 1-ئاينىڭ 15-كۈنى، يەنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ 2-كۈنى ئىسرائىللار قەددىنى كۆتۈرگەن ھالدا مىسىرلىقلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا رەمسېس شەھىرىدىن ئايرىلدى. ئۇ چاغدا مىسىرلىقلار تۇنجى ئوغۇللىرىنى دەپنە قىلىۋاتاتتى. پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنى جازالىغانىدى. ئىسرائىللار رەمسېستىن ئايرىلغاندىن كېيىن، سۇككوتتا قارارگاھ قۇردى. سۇككوتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، چۆل بويىدىكى ئېتامدا قارارگاھ قۇردى. ئېتامدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، بائال-زىفوننىڭ ئۇدۇلىدىكى پىھاخىروتقا قايتىپ، مىگدولنىڭ يېنىدا قارارگاھ قۇردى. پىھاخىروتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، قىزىل دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ، چۆللۈككە كەلدى. ئېتام چۆللۈكىدە ئۈچ كۈن يول يۈرۈپ، ماراھتا قارارگاھ قۇردى. ماراھتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئېلىمدە قارارگاھ قۇردى. ئۇ يەردە ئون ئىككى بۇلاق، يەتمىش تۈپ خورما دەرىخى بار ئىدى. ئېلىمدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، قىزىل دېڭىزنىڭ ساھىلىدا قارارگاھ قۇردى. قىزىل دېڭىزنىڭ ساھىلىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، سىن چۆلىدە قارارگاھ قۇردى. سىن چۆلىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، دوفقاھتا قارارگاھ قۇردى. دوفقاھتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئالۇشتا قارارگاھ قۇردى. ئالۇشتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، رىفىدىمدە قارارگاھ قۇردى. ئۇ يەردە خەلققە سۇ يوق ئىدى. رىفىدىمدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، سىناي چۆلىدە قارارگاھ قۇردى. سىناي چۆلىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، قىبروت-ھاتتائاۋادا قارارگاھ قۇردى. قىبروت-ھاتتائاۋادىن ئايرىلغاندىن كېيىن، خازېروتتا قارارگاھ قۇردى. خازېروتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، رىتماھتا قارارگاھ قۇردى. رىتماھتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، رىممون-پارەزدە قارارگاھ قۇردى. رىممون-پارەزدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، لىبناھتا قارارگاھ قۇردى. لىبناھتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، رىسساھتا قارارگاھ قۇردى. رىسساھتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، قىھېلاتادا قارارگاھ قۇردى. قىھېلاتادىن ئايرىلغاندىن كېيىن، شەفەر تېغىدا قارارگاھ قۇردى. شەفەر تېغىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، خاراداھتا قارارگاھ قۇردى. خاراداھتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ماقخېلوتتا قارارگاھ قۇردى. ماقخېلوتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، تاخاتتا قارارگاھ قۇردى. تاخاتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، تەراھتا قارارگاھ قۇردى. تەراھتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، مىتقاھتا قارارگاھ قۇردى. مىتقاھتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، خاشمونادا قارارگاھ قۇردى. خاشمونادىن ئايرىلغاندىن كېيىن، موسېرادا قارارگاھ قۇردى. موسېرادىن ئايرىلغاندىن كېيىن، بىنە-يائاقاندا قارارگاھ قۇردى. بىنە-يائاقاندىن ئايرىلغاندىن كېيىن، خور-ھاگگىدگادتا قارارگاھ قۇردى. خور-ھاگگىدگادتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، يوتباتادا قارارگاھ قۇردى. يوتباتادىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئابرونادا قارارگاھ قۇردى. ئابرونادىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئەزيون-گەبەردە قارارگاھ قۇردى. ئەزيون-گەبەردىن ئايرىلغاندىن كېيىن، زىن چۆلىدىكى كادېشتا قارارگاھ قۇردى. كادېشتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئىدومنىڭ چېگراسىدىكى ھور تېغىدا قارارگاھ قۇردى. ئىسرائىللار مىسىردىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى 40-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى روھانىي ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ھور تېغىغا چىقتى ۋە شۇ يەردە ئالەمدىن ئۆتتى. ھارۇن ھور تېغىدا ۋاپات بولغاندا، 123 ياشتا ئىدى. كەنئاننىڭ جەنۇبىدىكى ئاراد پادىشاھى ئىسرائىللارنىڭ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپتى. ئىسرائىللار ھور تېغىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، زالمونادا قارارگاھ قۇردى. زالمونادىن ئايرىلغاندىن كېيىن، پۇنوندا قارارگاھ قۇردى. پۇنوندىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئوبوتتا قارارگاھ قۇردى. ئوبوتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، موئاب چېگراسىغا جايلاشقان ئابارىم تاغلىرىدىكى ئىيىمدا قارارگاھ قۇردى. ئىيىمدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، دىبون-گادتا قارارگاھ قۇردى. دىبون-گادتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئالمون-دىبلاتايىمدا قارارگاھ قۇردى. ئالمون-دىبلاتايىمدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئابارىم تاغلىرىدىكى نىبو تېغىنىڭ ئالدىدا قارارگاھ قۇردى. ئابارىم تاغلىرىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئېرىخانىڭ قارشى تەرىپىدىكى ئىئوردان دەرياسى ۋادىسىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدە قارارگاھ قۇردى. ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدە قارارگاھ قۇردى. ئۇلارنىڭ چېدىرلىرى بەيت-يىشىموتتىن تاكى ئابېل-شىتتىمغىچە سوزۇلغانىدى. ئېرىخانىڭ ئۇدۇلىدىكى ئىئوردان دەرياسى ۋادىسىغا جايلاشقان موئاب تۈزلەڭلىكىدە پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىللارغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، كەنئان زېمىنىغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇ يەردىكى ئاھالىلەرنى قوغلاپ چىقىرىڭلار. ئۇلارنىڭ ئويما ۋە قۇيما بۇتلىرىنى ۋە چوقۇنىدىغان سەجدىگاھلىرىنى ۋەيران قىلىۋېتىڭلار. سىلەر ئۇ زېمىننى ئىگىلەپ، شۇ يەردە ياشاڭلار، چۈنكى مەن ئۇ زېمىننى سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەردىم. جەمەتلەر بويىچە چەك تارتىپ، يەرلەرنى تەقسىملەڭلار. جان سانى كۆپلەرگە كۆپ، جان سانى ئازلارغا ئاز بولسۇن. چەككە قايسى يەر چىقسا شۇ يەرگە ئىگە بولسۇن. مۇشۇ يول بىلەن قەبىلەڭلارغا زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىڭلار. ئەگەر سىلەر ئۇ يەردىكى ئاھالىلەرنى قوغلىۋەتمىسەڭلار، ئۇلار كۆزۈڭلارغا تىكەن، بېقىنىڭلارغا نەشتەر بولۇپ سانجىلىپ، ئاراڭلاردا پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بېشىغا نېمە سالماقچى بولغان بولسام، شۇنى سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا سالىمەن.» پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىللارغا بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «سىلەر مەن سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن كەنئان زېمىنىغا كىرگەندىن كېيىن، زېمىنىڭلارنىڭ چېگرالىرى مۇنداق بولىدۇ: جەنۇب تەرەپتە زىن چۆلىدىن ئىدوم چېگراسىنى بويلاپ سوزۇلىدۇ. شەرقتە جەنۇبتىكى چېگرا تۇز دېڭىزىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىدىن باشلىنىپ، جەنۇب تەرەپكە بۇرۇلۇپ، چايان داۋىنىدىن يەنە جەنۇبقا سوزۇلۇپ، زىن چۆلىدىن ئۆتۈپ، كادېش-بارنېيا شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا، خازار-ئاددار شەھىرىگە، ئۇ يەردىن ئازمون شەھىرىگە بارىدۇ. ئاندىن بۇرۇلۇپ، مىسىر چېگراسىدىكى دەريانى بويلاپ، ئاخىرىدا ئوتتۇرا دېڭىزغىچە تۇتىشىدۇ. غەرب تەرەپتىكى چېگراڭلار ئوتتۇرا دېڭىز بولىدۇ. شىمال تەرەپتىكى چېگراڭلار ئوتتۇرا دېڭىزدىن ھور تېغىغىچە، ئاندىن ئۇ يەردىن لىبو-خامات شەھىرىگە كىرگەندىن كېيىن، زېداد ۋە زىفرون شەھەرلىرىگە سوزۇلۇپ، خازار-ئېنانغىچە بارىدۇ. بۇ سىلەرنىڭ شىمالىي چېگراڭلار بولىدۇ. شەرق تەرەپتىكى چېگراڭلار خازار-ئېناندىن شىفامغا، ئاندىن جەنۇب تەرەپكە بېرىپ، ئايىننىڭ شەرق تەرىپىدىكى رىبلاھقا بارىدۇ. ئاندىن جەلىلىيە كۆلىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا كېلىپ، ئۇ يەردىن ئىئوردان دەرياسىنى بويلاپ تۇز دېڭىزىغىچە بارىدۇ. مانا بۇلار زېمىنىڭلارنىڭ تۆت ئەتراپىنىڭ چېگرالىرىدۇر.» مۇسا ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى: _ مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئىسرائىللارنىڭ توققۇز يېرىم قەبىلىسىگە چەك تارتىش ئارقىلىق تەقسىم قىلىنىدىغان زېمىندۇر. رۇبېن ۋە گاد قەبىلىلىرى جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىنغان زېمىنلىرىغا ئىگە بولدى. ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىمۇ ئۆز زېمىنىغا ئىگە بولدى. بۇ ئىككى يېرىم قەبىلە ئىگە بولغان زېمىنلار ئېرىخا شەھىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا بولدى. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سىلەرگە يەر تەقسىم قىلىشقا روھانىي ئەلئازار بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا مەسئۇل قىلىندى. ھەربىر قەبىلىدىن بىردىن باشلىق تاللىنىپ، يەر تەقسىم قىلىشقا ياردەملەشسۇن. تۆۋەندىكىلەر يەر تەقسىم قىلىشقا تاللانغان باشلىقلارنىڭ ئىسىملىرىدۇر: يەھۇدا قەبىلىسىدىن: يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب، شىمون قەبىلىسىدىن: ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى سامۇئىل، بىنيامىن قەبىلىسىدىن: كىسلوننىڭ ئوغلى ئەلىداد، دان قەبىلىسىدىن: يوگلىنىڭ ئوغلى بۇققى، يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسە قەبىلىسىدىن: ئېفودنىڭ ئوغلى خاننىئېل، يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەفرايىم قەبىلىسىدىن: شىفتاننىڭ ئوغلى كىمۇئېل، زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن: پارناكنىڭ ئوغلى ئەلىزافان، ئىسساكار قەبىلىسىدىن: ئاززاننىڭ ئوغلى پالتىئېل، ئاشېر قەبىلىسىدىن: شىلومىنىڭ ئوغلى ئاخىھۇد، نافتالى قەبىلىسىدىن: ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى پىدائېل. يۇقىرىدىكىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، كەنئان زېمىنىدا ئىسرائىللارغا يەر تەقسىم قىلىپ بېرىدىغان باشلىقلارنىڭ ئىسىملىرىدۇر. ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدە پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىللارغا بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «ئۇلار تەقسىماتتا ئىگە بولىدىغان زېمىنلىرىنىڭ ئىچىدىن بىر قىسىم شەھەرلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى لاۋىيلارغا بەرسۇن. ئۇلار شەھەرلەردە ئولتۇرۇپ، ئوتلاقلاردا كالىلىرى ۋە باشقا چارۋا ماللىرىنى باقىدۇ. لاۋىيلارغا بۆلۈپ بېرىلگەن شەھەرلىرىنىڭ ئوتلاقلىرى شەھەر سېپىلىدىن 450 مېتىر يىراقلىققىچە سوزۇلسۇن. شەھەرنىڭ سىرتى تۆت تەرىپىدىن، يەنى شەرقتىن غەربكە، شىمالدىن جەنۇبقىچە 900 مېتىر بولۇپ، بۇ لاۋىيلارنىڭ ئوتلاقلىرى بولسۇن. ئوتلاقلار شەھەرنى ئوراپ تۇرىدۇ. لاۋىيلارغا 42 شەھەر بېرىڭلار. ئۇنىڭدىن باشقا بىخەستەلىك قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچىلارنىڭ پاناھلىنىشى ئۈچۈن ئالتە شەھەرنى قوشۇپ بېرىڭلار. جەمئىي 48 شەھەر ۋە ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار لاۋىيلارغا تەۋە بولسۇن. ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرى ئۆزلىرى ئىگە بولغان زېمىنلىرىدىن بىر قىسىم شەھەرلەرنى لاۋىيلارغا بەرسۇن. ئادەملىرى كۆپ قەبىلىلەر كۆپرەك، ئادەملىرى ئاز قەبىلىلەر ئازراق بەرسۇن. ھەربىر قەبىلە لاۋىيلارغا قانچىدىن شەھەر بېرىدىغانلىقى ئۇلارنىڭ زېمىنىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ بەلگىلەنسۇن.» پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىللارغا بۇ سۆزلەرنى يەتكۈزگىن: «سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ كەنئان زېمىنىغا كىرگەندىن كېيىن، بىر قىسىم شەھەرلەرنى پاناھلىنىدىغان شەھەر قىلىپ تاللاڭلار. بىخەستەلىك قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويۇپ قېچىپ يۈرگەنلەر بۇ شەھەرلەردە پاناھلىنىپ، ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ قىساس ئېلىشىدىن جېنىنى ساقلىسۇن. بىخەستەلىك قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچىلار جامائەت ئالدىدا سوتلانمىغۇچە ئۆلتۈرۈلمىسۇن. ئالتە شەھەرنى پاناھلىنىدىغان شەھەر قىلىپ تاللاڭلار. بۇ شەھەرلەرنىڭ ئۈچى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا، يەنە ئۈچى كەنئان زېمىنىدا بولسۇن. بىخەستەلىك قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچىلار مەيلى ئىسرائىللاردىن بولسۇن، مەيلى بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ياكى مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان يات خەلقلەردىن بولسۇن، ھەممىسى بۇ شەھەرلەرگە كېلىپ پاناھلانسا بولىدۇ. ئەگەر بىر ئادەم تۆمۈر ئەسۋاب بىلەن ئۇرۇپ، ئادەم ئۆلتۈرگەن بولسا، ئۇ قاتىل ھېسابلىنىپ، ئۆلۈمگە مەھكۇمدۇر. ئەگەر بىر ئادەم تاش بىلەن ئۇرۇپ، ئادەم ئۆلتۈرگەن بولسا، ئۇ قاتىل ھېسابلىنىپ، ئۆلۈمگە مەھكۇمدۇر. ئەگەر بىر ئادەم ياغاچ ئەسۋاب بىلەن ئۇرۇپ، ئادەم ئۆلتۈرگەن بولسا، ئۇ قاتىل ھېسابلىنىپ، ئۆلۈمگە مەھكۇمدۇر. ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقىنى قاتىلنى نەدە تاپسا، شۇ يەردە ئۆلتۈرسۇن. ئەگەر بىر ئادەم بىرسىنى ئۆچمەنلىك بىلەن ئىتتىرىپ، ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ياكى قەستەن بىر نەرسە ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ياكى ئۆچمەنلىك قىلىپ، ئۇنى مۇشتلاپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولسا، ئۇ قاتىل ھېسابلىنىپ، ئۆلۈمگە مەھكۇمدۇر. قىساس ئالغۇچى ئۇنداقلارنى تاپقان يېرىدە ئۆلتۈرسۇن. ئەگەر بىرسى ھېچبىر ئۆچ-ئاداۋەتسىز يەنە بىرسىنى بىخەستەلىك قىلىپ ئىتتىرىۋېتىپ، ئۆلۈمىگە سەۋەبچى بولسا، ياكى غەرەزسىز ھالدا بىر نەرسىنى ئېتىپ بىرسىنى ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ياكى كۆرمەي قېلىپ، چوڭ بىر تاشنى چۈشۈرۈۋېتىپ، بىرسىنى ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۇنىڭ ئۇ ئادەم بىلەن ئۆچ-ئاداۋىتى بولمىسا، جامائەت ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچى بىلەن قىساس ئالغۇچىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ماجىرانى تۆۋەندىكىدەك ھەل قىلسۇن: جامائەت بىخەستەلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچىنى قىساس ئالغۇچىنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، پاناھلىنىدىغان شەھەرگە ئەۋەتسۇن. ئۇ شۇ شەھەردە تاكى بېشىغا مۇقەددەس ياغ قۇيۇلۇپ تەيىنلەنگەن باش روھانىي ۋاپات بولغۇچە تۇرسۇن. لېكىن ئادەمنى بىخەستەلىك قىلىپ ئۆلتۈرۈپ قويغۇچى پاناھلىنىدىغان شەھەردىن ئايرىلغان بولسا، قىساس ئالغۇچى پاناھلىنىدىغان شەھەرنىڭ سىرتىدا ئۇنى تېپىۋېلىپ ئۆلتۈرۈۋەتسە، قىساس ئالغۇچى قاتىل ھېسابلانمىسۇن. چۈنكى ئادەمنى بىخەستەلىك قىلىپ ئۆلتۈرۈپ قويغۇچى چوقۇم پاناھلىنىدىغان شۇ شەھەردە تۇرۇشى كېرەك. باش روھانىي ۋاپات بولغاندىن كېيىنلا، ئاندىن ئۆز يۇرتىغا قايتسا بولىدۇ. بۇ، سىلەر مەيلى نەدە ياشاڭلار، ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەمەل قىلىشىڭلارغا تېگىشلىك بولغان قانۇندۇر. ئەگەر بىرسى يەنە بىر ئادەمنىڭ ئۈستىدىن قاتىللىق قىلدى، دەپ ئەرز قىلسا، چوقۇم بىرقانچە ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن ئۇنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلسا بولىدۇ. لېكىن بىرلا ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدۇ. ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل چوقۇم جانغا جان قايتۇرۇشى كېرەك، پۇل تۆلەپ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قېلىشىغا بولمايدۇ. پاناھلىنىدىغان شەھەردە پاناھلىنىۋاتقۇچىنىڭ پۇلىنى ئېلىپ، ئۇنى باش روھانىي ئۆلۈشتىن بۇرۇن يۇرتىغا قايتىشقا رۇخسەت قىلىشقا بولمايدۇ. شۇنداق قىلساڭلار سىلەر ئۆزۈڭلار تۇرىدىغان زېمىننى بۇلغىمىغان بولىسىلەر چۈنكى قان زېمىننى بۇلغايدۇ. قان بىلەن بۇلغانغان زېمىننى پەقەت قاتىلنىڭ قېنى بىلەن پاكلىغىلى بولىدۇ. سىلەر تۇرىدىغان بۇ زېمىننى بۇلغىساڭلار بولمايدۇ، چۈنكى بۇ مەن تۇرۇۋاتقان زېمىندۇر. مەن پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا تۇرىمەن.» گىلئاد ماكىرنىڭ ئوغلى، ماناسسەنىڭ نەۋرىسى، يۈسۈپنىڭ ئەۋرىسى ئىدى. ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ باشلىقلىرى مۇسا ۋە ئىسرائىللارنىڭ قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سىلى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە زېمىنلارنى چەك تاشلاش يولى بىلەن ئىسرائىللارغا تەقسىم قىلغانلىرىدا، پەرۋەردىگار سىلىنىڭ زىلوفخادنىڭ زېمىنىنى ئۇنىڭ قىزلىرىغا تەقسىم قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى بۇيرۇغانىدى. ئەگەر ئۇ قىزلار باشقا قەبىلىلەرگە ياتلىق بولسا، قەبىلىمىزنىڭ زېمىنىدىن ئۇلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلار ئۇلار ياتلىق بولغان ئەرلەرنىڭ قەبىلىلىرىگە تەۋە بولۇپ كېتىدۇ. بۇنداق بولغاندا قەبىلىمىزگە چەك ئارقىلىق تەقسىم قىلىنغان زېمىنلارمۇ ئازلاپ كېتىدۇ. قۇت يىلىغا كەلگەندە، سېتىۋېتىلگەن بارلىق زېمىنلار ئەسلى ئىگىسىگە قايتىپ كېلىدۇ. زىلوفخادنىڭ قىزلىرىنىڭ زېمىنى بولسا قايتۇرۇلماي، ئۇلارنىڭ ئەرلىرىنىڭ قەبىلىسىگە مەنسۇپ بولۇپ، بىزنىڭ قەبىلىمىز ئۇ زېمىندىن مەھرۇم بولۇپ قالىدۇ. مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى: _ يۈسۈپنىڭ ئوغلىنىڭ قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ دېگىنى توغرا. زىلوفخادنىڭ قىزلىرى ھەققىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى مۇنداق: «ئۇلار ئۆز ئەركىنلىكى بىلەن ياتلىق بولسا بولىدۇ، لېكىن چوقۇم ئۆز قەبىلىسى ئىچىدىكىلەر بىلەن تويلىشىشى كېرەك. ئىسرائىللارنىڭ زېمىنى بىر قەبىلىدىن يەنە بىر قەبىلىگە يۆتكەلسە بولمايدۇ. ھەربىر قەبىلە چوقۇم ئەجدادلىرىدىن قالغان زېمىنىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك. زېمىنغا ئىگە بولغان قىزلار چوقۇم ئۆز قەبىلىسى ئىچىدىكىلەرگە ياتلىق بولسۇن. شۇنداق بولغاندا، ھەربىر قەبىلە ئەجدادلىرىدىن قالغان زېمىنىنى ساقلاپ قالىدۇ. ئىسرائىللارنىڭ زېمىنى بىر قەبىلىدىن يەنە بىر قەبىلىگە يۆتكەلسە بولمايدۇ. ھەربىر قەبىلە چوقۇم ئەجدادلىرىدىن قالغان زېمىنىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك.» زىلوفخادنىڭ قىزلىرى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا قىلغان ئەمرىگە ئەمەل قىلدى. ماخلاھ، تىرزاھ، خوگلاھ، مىلكاھ ۋە نوئاھلار ئاتىسىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىغا ياتلىق بولدى. ئۇلار يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسەنىڭ قەبىلىسىدىن ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ قىزلارنىڭ زېمىنى ئۆز ئەجدادلىرىنىڭ قەبىلىسىگە قالدى. يۇقىرىقىلار ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدە پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن ئەمر ۋە قانۇنلىرىدۇر. تۆۋەندىكىلەر مۇسانىڭ پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. ئەينى چاغدا ئىسرائىللار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى چۆلدە بولۇپ، بۇ يەر سۇفنىڭ قارشىسىدىكى پاران، توفەل، لابان، خازېروت ۋە دىزاھاب شەھەرلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىدى. سىناي تېغىدىن كادېش-بارنېياغا بېرىش ئۈچۈن سەئىر تاغلىرىدىكى يول بىلەن ماڭسا، 11 كۈن كېتەتتى. ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىنكى 40-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن بارلىق ئەمرلىرىنى ئۇلارغا يەتكۈزدى. بۇندىن ئىلگىرى مۇسا خەلقنى باشلاپ، خەشبوندىكى ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخوننى، ئاندىن ئاشتاروت شەھىرىدە ياشايدىغان باشان پادىشاھى ئوگنى ئەدرەئىدە مەغلۇپ قىلغانىدى. مۇسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى موئابلارنىڭ زېمىنىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىنى ئىسرائىللارغا چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگارىمىز خۇدا سىناي تېغىدا بىزگە مۇنداق دېگەنىدى: «سىلەر بۇ يەردە خېلى ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ قالدىڭلار. ئەمدى ئامور خەلقىنىڭ تاغلىق رايونلىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئەتراپىدىكى قوشنا رايونلىرىغا، تاغلىق رايونلار ۋە غەربىي ئېدىرلىقلارغا، نەگېب چۆللۈكى ۋە ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدىكى تۈزلەڭلىككە بېرىڭلار. كەنئان زېمىنىغا ۋە لىۋانغا قاراپ يولغا چىقىڭلار، تاكى فىرات دەرياسىغىچە بېرىڭلار. ئۇ زېمىنلارنى سىلەرگە ئاتا قىلدىم، بېرىپ ئىگىلەڭلار. ئۇ يەرلەرنى مەن پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلار ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئاتا قىلىمەن دەپ، ۋەدە قىلغانىدىم.» _ ئەينى چاغدا مەن مۇسا خەلققە: «مەن سىلەرنى باشقۇرۇشتەك بۇنداق ئېغىر ۋەزىپىنى يالغۇز ئۈستۈمگە ئالالمايمەن. چۈنكى سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى كۆپەيتتى، سىلەر بۈگۈن خۇددى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپىيىپ كەتتىڭلار. ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدا سىلەرگە ۋەدە قىلغىنىدەك، سىلەرنى يەنە مىڭ ھەسسە كۆپەيتكەي، سىلەرگە بەخت ئاتا قىلغاي. لېكىن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى مەسىلىلەرنى، تالاش-تارتىشلارنى ۋە سىلەرنىڭ يۈكۈڭلارنى قانداقسىگە ئۆزۈم يالغۇز ئۈستۈمگە ئالالايمەن؟! ھەرقايسى قەبىلىلەردىن ئەقىللىق، نەزەر دائىرىسى كەڭ، ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەرلەرنى تاللاڭلار، مەن ئۇلارنى سىلەرنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەيمەن» دېدىم. خەلق: «دېگەنلىرىڭ توغرا» دەپ مېنى قوللىدى. شۇڭا مەن ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئەقىللىق، ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەرنى تاللاپ، خەلققە مىڭبېشى، يۈزبېشى، ئەللىكبېشى، ئونبېشىلارنى ۋە باشقا باشقۇرغۇچىلارنى تەيىنلىدىم. مەن ئۇلاردىن سىرت يەنە سوتچىلارنى تەيىنلەپ، ئۇلارنى ئەرزلەرنى ئاڭلاشقا، مەيلى ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدىكى، مەيلى ئىسرائىللار بىلەن يات خەلقلەر ئارىسىدىكى ئەرزلەر بولسۇن، ھەممىسىنى ئادىل سوتلاشقا، يان باسماسلىققا، نامرات ۋە باينىڭ سۆزلىرىگە ئوخشاش قۇلاق سېلىشقا بۇيرۇدۇم. مەن: «سىلەر باشقۇرغۇچىلار ھەرقانداق كىشىدىن قورقماڭلار، چۈنكى ھۆكۈم خۇدانىڭدۇر. ئۆزۈڭلار يېشەلمىگەن دەۋالارنى ماڭا تاپشۇرۇڭلار، مەن ھەل قىلاي» دېدىم. ئەينى چاغدا مەن خەلققە قىلىشقا تېگىشلىك ھەممە ئىشلارنى ئېيتتىم. _ بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە سىناي تېغىدىن يولغا چىقىپ، سىلەر كۆرگەن ئاشۇ چەكسىز، قورقۇنچلۇق قاقاس چۆللۈكتىن ئۆتۈپ، ئامورلارنىڭ تاغلىق رايونى بىلەن كادېش-بارنېياغا باردۇق. مەن خەلققە: «مانا ئەمدى بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزگە ئاتا قىلماقچى بولغان ئامور خەلقىنىڭ تاغلىق رايونىغا يېتىپ كەلدۇق. قاراڭلار، ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار بۇ زېمىننى سىلەرگە ئاتا قىلدى، سىلەر ئۇنىڭ ئەمرى بويىچە بۇ يەرنى ئىگىلەڭلار، قورقماڭلار، بوشىشىپ قالماڭلار!» دېدىم. لېكىن خەلق قېشىمغا كېلىپ: «ئالدى بىلەن ئۇ يەرلەرنى چارلاپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتەيلى، ئۇلار چارلاپ كېلىپ، ماڭىدىغان يول ۋە ھۇجۇم قىلىپ ئېلىشقا تېگىشلىك شەھەرلەرنى بىزگە مەلۇم قىلسۇن» دېدى. مەن ئۇلارنىڭ تەكلىپىگە قوشۇلدۇم. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن 12 ئادەمنى، يەنى ھەربىر قەبىلىدىن بىردىن ئادەم تاللىدىم. ئۇلار تاغلىق رايونلارغا، ئەشكول جىلغىسىغا بېرىپ، ئەھۋال ئىگىلىدى. ئۇلار ئۇ يەرنىڭ مېۋىلىرىدىن ئالغاچ كېلىپ: «بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزگە ئاتا قىلغان زېمىن ناھايىتى مۇنبەت ئىكەن» دەپ مەلۇم قىلدى. _ لېكىن خەلق پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەمرىگە قارشى چىقىپ، ئۇ يەرگە بېرىشنى خالىمىدى. ئۇلار چېدىرلىرىدا پەرۋەردىگاردىن ئاغرىنىپ: «پەرۋەردىگار بىزگە ئۆچ بولغاچقا، بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، ئامور خەلقىنىڭ قولى بىلەن بىزنى يوقاتماقچى بولغان ئوخشايدۇ. ئەمدى بىز نەگە بارارمىز؟ ئۇ يەرگە بارغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دېيىشىچە، ئۇ يەرنىڭ ئادەملىرى بىزدىن كۈچلۈك ۋە ئېگىزمىش. شەھەرلىرى ھەيۋەتلىك، سېپىللىرى ئېگىزلىكىدىن بۇلۇتقا تاقىشىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەردە ئاناقلارنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ بار ئىكەن، شۇڭا بىز قورقۇپ، يۈرەكلىرىمىز ئېغىزلىرىمىزغا تىقىلىپ قالدى» دېيىشتى. مەن ئۇلارغا: «ھودۇقماڭلار، ئۇلاردىن قورقماڭلار. مىسىردا پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا كۆز ئالدىڭلاردا سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلغىنىغا ئوخشاش، ئۇ يەردىمۇ سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ. چۆلدىكى پۈتۈن سەپەر جەريانىدا پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە خۇددى ئاتىنىڭ ئۆز بالىسىغا مېھرىبانلىق قىلغىنىدەك، مېھرىبانلىق قىلىپ، بۇ يەرگىچە باشلاپ كەلگەنلىكىگە شاھىت بولدۇڭلار» دېدىم. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئاغرىنىشىنى ئاڭلاپ، غەزەپلەندى. ئۇ قەسەم قىلىپ: «بۇ رەزىل ئەۋلادتىن ھېچكىمنى مەن ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان بۇ گۈزەل زېمىننى كۆرۈشكە مۇيەسسەر قىلمايمەن. پەقەت يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىبنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر قىلىمەن. ئۇنىڭ ئايىغى تەگكەن ھەممە يەرلەرنى ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئاتا قىلىمەن. چۈنكى ئۇ ماڭا چىن قەلبى بىلەن ئەگەشتى» دېدى. خەلق تۈپەيلىدىن پەرۋەردىگار ماڭا غەزەپلىنىپ: «سەنمۇ ئۇ يەرگە بارالمايسەن، لېكىن سېنىڭ ياردەمچىڭ بولغان نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا بارالايدۇ. سەن ئۇنى رىغبەتلەندۈرگىن، چۈنكى ئۇ ئىسرائىللارنى ئاشۇ زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا باشلاپ بارىدۇ» دېدى. ئۇلارنىڭ بالىلىرى ھەققىدە پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇنداق دېگەنىدى: «سىلەر ‹بالا-چاقىلىرىمىز ئەسىر بولۇپ قالىدۇ› دەپ ئويلىغانىدىڭلار، لېكىن ئاق-قارىنى تېخى پەرق ئېتەلمەيدىغان بۇ بالىلار ئاشۇ زېمىنغا بارىدۇ. مەن ئۇ زېمىننى ئۇلارغا ئاتا قىلىمەن، ئۇلار ئۇ يەرنى ئىگىلەيدۇ. سىلەر ئەمدى ئارقاڭلارغا قايتىپ، قىزىل دېڭىز تەرەپتىكى چۆللۈككە بېرىڭلار.» خەلق ماڭا: «بىز پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلدۇق، ئەمدى بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە ئۇرۇش قىلىشقا رازىمىز» دېيىشتى. ئۇلار قوراللانساقلا، ئۇ تاغلىق رايوننى ئاسانلا ئالالايمىز، دەپ ئويلىدى. لېكىن پەرۋەردىگار ماڭا: «سەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ قوي، جەڭگە ئاتلانمىسۇن، بولمىسا ئۇلار دۈشمىنىدىن مەغلۇپ بولىدۇ. چۈنكى مەن ئۇلارغا يار ئەمەس» دېدى. مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى خەلققە يەتكۈزدۈم، لېكىن ئۇلار كىبىرلىك قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە قۇلاق سالماي، تاغلىق رايونلارغا يۈرۈپ كەتتى. تاغلاردا ياشايدىغان ئامورلار ئۇلارغا قارشى ھەرىدەك جەڭگە ئاتلاندى. ئامورلار ئۇلارنى سەئىر رايونىدىكى خورماھقىچە قوغلاپ كەلدى ۋە ئۇ يەردە ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى. ئۇلار قايتىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارغا يىغلىدى، لېكىن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ كۆز يېشىغا پەرۋا قىلمىدى. شۇڭا بىز كادېش-بارنېيادا ناھايىتى ئۇزۇن تۇرۇپ قالدۇق. _ پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا ئېيتقىنىدەك، بىز ئارقىمىزغا قايتىپ، قىزىل دېڭىز تەرەپتىكى چۆللۈككە كەتتۇق. سەئىر تاغلىرىنى ئايلىنىپ، نۇرغۇن كۈنلەر يۈردۇق. كېيىن پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «سىلەر سەئىر تاغلىرىنى ئايلىنىپ يۈرگىلى تالاي ۋاقىتلار بولدى، ئەمدى شىمالغا بېرىڭلار. سەن خەلققە مۇنداق بۇيرۇغىن: ‹سىلەر سەئىردە ياشايدىغان قېرىندىشىڭلار ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ زېمىنىدىن ئۆتىسىلەر. ئۇلار سىلەردىن قورقىدۇ. لېكىن ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولۇڭلار، ئۇلار بىلەن جېدەللىشىپ، ئۇرۇشۇپ يۈرمەڭلار. چۈنكى مەن ئۇ زېمىننى سەئىرلىكلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەنمەن، ئۇلارنىڭ زېمىنىدىن بىر غېرىچنىمۇ سىلەرگە بەرمەيمەن. يېمەك-ئىچمەكنى ئۇلاردىن سېتىۋېلىڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ھەمىشە ئىشىڭلارنى راۋان قىلىپ، سىلەرنى بەختكە ئېرىشتۈرۈپ كەلدى. سىلەر بىپايان چۆللۈكتىن ئۆتكىنىڭلاردا ھالىڭلاردىن خەۋەر ئالدى، 40 يىلدىن بېرى سىلەر بىلەن بىرگە بولدى، ھېچنېمەڭلارنى كەم قىلمىدى›». شۇنىڭ بىلەن بىز قېرىندىشىمىز ئەساۋنىڭ زېمىنى بولغان سەئىردىن ئۆتۈپ كەتتۇق. ئېلات ۋە ئەزيون-گەبەر شەھەرلىرىدىن كېلىدىغان ئاراباھ يولى بىلەن موئاب چۆللۈكىگە باردۇق. پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «موئابلار بىلەن جېدەللىشىپ، ئۇرۇشۇپ يۈرمەڭلار، ئۇلارنىڭ زېمىنى بولغان ئارنى سىلەرگە بەرمەيمەن. مەن ئۇ زېمىننى لۇتنىڭ ئەۋلادلىرىغا مۈلۈك قىلىپ بەرگەنمەن.» (بۇرۇن ئېيملار ئۇ يەردە ياشايتتى. ئۇلار كۈچلۈك خەلق بولۇپ، سانى كۆپ ئىدى، ئادەملىرى ئاناقلارنىڭ ئەۋلادلىرىدەك بويلىرى ئېگىز ئىدى. ئۇلار ئادەتتە ئاناقلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئوخشاش رافاھلار دەپ ئاتىلاتتى. لېكىن موئابلار ئۇلارنى ئېيملار دەپ ئاتايتتى. بۇرۇن سەئىردە خور خەلقى ياشايتتى، لېكىن ئەساۋ خەلقى ئۇلارنى يوقىتىپ، زېمىنلىرىنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، شۇ يەردە ياشاپ قالدى. بۇ ئىش ئىسرائىللارنىڭ پەرۋەردىگار ئۆزلىرىگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن زېمىندىكى باشقا ئەللەرنى يوقىتىۋېتىپ، شۇ يەردە ياشاپ قالغىنىغا ئوخشايتتى.) پەرۋەردىگار يەنە: «ئەمدى ئاتلىنىڭلار، زەرەد دەرياسىدىن ئۆتۈڭلار» دەپ ئەمر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن زەرەد دەرياسىدىن ئۆتتۇق. بىز كادېش-بارنېيادىن يولغا چىقىپ، زەرەد دەرياسىدىن ئۆتكۈچە 38 يىل كەتتى. پەرۋەردىگار قەسەم قىلىپ ئېيتقىنىدەك، بۇ جەرياندا بىر ئەۋلاد جەڭچىلەر ئۆلۈپ تۈگىدى. پەرۋەردىگار ئۇلارغا قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئىسرائىل خەلقى ئىچىدىكى بۇ جەڭچىلەر تامامەن يوقىتىلغانىدى. جەڭچىلەر ئۆلۈپ تۈگىگەندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «بۈگۈن موئابنىڭ چېگراسىدىن ئار شەھىرى ئارقىلىق ئۆتۈڭلار. ئاممون خەلقىنىڭ زېمىنىغا كىرگەندە، ئۇلار بىلەن جېدەللىشىپ، ئۇرۇشۇپ يۈرمەڭلار. چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ زېمىنىنى سىلەرگە بەرمەيمەن، مەن ئۇ يەرنى لوتنىڭ ئەۋلادلىرىغا مۈلۈك قىلىپ بەرگەنمەن.» (ئۇ يەر بۇرۇن رافاھلارنىڭ زېمىنى ھېسابلىناتتى. ئاممون خەلقى ئۇلارنى زامزۇملار دەپ ئاتايتتى. رافاھلار كۈچلۈك خەلق بولۇپ، سانى كۆپ ئىدى، ئادەملىرى ئاناقلاردەك ئېگىز ئىدى. پەرۋەردىگار رافاھ خەلقىنى ئاممون خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدا يوقىتىپ، ئاممون خەلقىنى ئۇلارنىڭ زېمىنىغا ئىگە قىلدى. ئۇلار شۇ يەردە ياشاپ قالدى. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، پەرۋەردىگار سەئىردە ياشايدىغان خور خەلقىنى ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا يوقىتىپ، بۇ زېمىنىغا ئۇلارنى ئىگە قىلدى. ئۇلار بۈگۈنگىچە شۇ يەردە ياشىماقتا. كرىت خەلقىمۇ گازانىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلاردا ياشايدىغان ئاۋۋىم خەلقىنى يوقىتىپ، زېمىنىنى ئىگىلىۋالغانىدى.) پەرۋەردىگار داۋام قىلىپ، ماڭا مۇنداق دېدى: «ئەمدى ئاتلىنىپ، ئارنون جىلغىسىدىن ئۆتۈڭلار! مەن ئامور خەلقىنىڭ خەشبوندا ياشايدىغان پادىشاھى سىخوننى ۋە ئۇنىڭ زېمىنىنى ساڭا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىڭلار، زېمىنىنى ئىگىلەڭلار. بۈگۈندىن باشلاپ، يەر يۈزىدىكى پۈتۈن ئىنساننى سەندىن قورقىدىغان قىلىمەن. ئۇلار سېنىڭ ئىسمىڭنى ئاڭلىسا، قورقۇپ، تىترىشىپ كېتىدۇ.» _ شۇنىڭ بىلەن مەنكى مۇسا قىدېموت چۆلىدىن خەشبون پادىشاھى سىخونغا ئەلچى ئەۋەتىپ، مۇنداق تىنچلىق تەكلىپى سۇندۇم: «بىزنىڭ زېمىنىڭىزدىن ئۆتۈشىمىزگە يول قويسىڭىز. زېمىنىڭىزدىن ئۆتكۈچە چوڭ يولدا ماڭىمىز، يولدىن چەتنەپ كەتمەيمىز. يېمەك-ئىچمەكلەرنى سىلەردىن سېتىۋالىمىز. بىزنى ئۆتكىلى قويۇشىڭىزنى، بىزگە سەئىردە ياشايدىغان ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە ئاردا ياشايدىغان موئاب خەلقىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشىڭىزنى ئۆتۈنىمىز. بىز پەقەت ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزگە ئاتا قىلغان زېمىنغا بارماقچىمىز.» لېكىن خەشبوننىڭ پادىشاھى سىخون زېمىنىدىن ئۆتۈشىمىزگە رۇخسەت قىلمىدى. چۈنكى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا سىخوننى بىزنىڭ قولىمىزغا تاپشۇرماقچى بولغاچقا، ئۇنى جاھىل ۋە تاش يۈرەك قىلىپ قويغانىدى. كېيىن ئۇنى ھەقىقەتەن قولىمىزغا تاپشۇردى. پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «سىخوننى ۋە ئۇنىڭ زېمىنىنى ساڭا تاپشۇردۇم، ئۇنىڭ زېمىنىنى تارتىۋېلىپ، ئۇنىڭغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا باشلىغىن.» سىخون پۈتۈن لەشكەرلىرىگە باشچىلىق قىلىپ، ياھازدا بىز بىلەن جەڭ قىلدى. لېكىن پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ئۇلارنى بىزگە تاپشۇرۇپ بەردى. بىز ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈپ، پۈتۈن لەشكەرلىرىنى قىردۇق. ئۇ ۋاقىتتا بىز سىخوننىڭ پۈتۈن شەھەرلىرىنى ئىگىلەپ، شەھەرلەردىكى ئەر-ئايال ۋە بالىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈردۇق، بىرىمۇ تىرىك قالمىدى. لېكىن چارۋا ماللار ۋە شەھەرلىرىدىكى مال-مۈلۈكلەرنى ئولجا قىلدۇق. ئارنون جىلغىسىنىڭ چېتىگە جايلاشقان ئاروئېر شەھىرى ۋە جىلغىنىڭ ئىچىدىكى شەھەردىن تارتىپ تاكى گىلئادقىچە بولغان ئارىلىقتىكى بارلىق شەھەرلەرمۇ بىزگە تاقابىل تۇرالمىدى. پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ئۇ يەرلەرنىڭ ھەممىسىنى بىزنىڭ قولىمىزغا تاپشۇردى. لېكىن بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە ئاممونلارنىڭ زېمىنىغا، يەنى ئۇلارنىڭ ياببوق دەرياسىنىڭ بويىدىكى ۋە تاغلىق رايونلىرىدىكى شەھەرلىرىگە تەگمىدۇق. _ ئاندىن بىز بۇرۇلۇپ، باشانغا قاراپ يول ئالدۇق. باشان پادىشاھى ئوگ پۈتۈن لەشكەرلىرىنى باشلاپ، ئەدرەئىدە بىز بىلەن ئۇرۇش قىلدى. پەرۋەردىگار ماڭا: «ئۇنىڭدىن قورقمىغىن، چۈنكى مەن ئۇنى ۋە ئۇنىڭ بارلىق لەشكەرلىرىنى، ھەمدە ئۇنىڭ زېمىنلىرىنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇردۇم. خەشبوندا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخونغا قانداق قىلغان بولساڭ، ئۇنىڭغىمۇ شۇنداق قىلغىن.» دېدى. شۇنداق قىلىپ، پەرۋەردىگارىمىز خۇدا باشان پادىشاھى ئوگ ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن لەشكەرلىرىنى بىزنىڭ قولىمىزغا تاپشۇردى. بىز ئۇلارنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي، ھەممىسىنى قىرىپ تاشلىدۇق. باشان پادىشاھى ئوگنىڭ پادىشاھلىقىغا تەۋە بولغان پۈتۈن ئارگوب رايونى بىزگە تەۋە بولدى. بىز ئۇنىڭ بارلىق شەھەرلىرىنى ئىگىلىدۇق. ئۇنىڭ جەمئىي ئاتمىش شەھىرى بولۇپ، بىزگە تەۋە بولمىغان بىرمۇ شەھىرى قالمىدى. بۇ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئېگىز سېپىللىرى بولۇپ، سېپىل دەرۋازىلىرى بالداقلار بىلەن مۇستەھكەملەنگەنىدى. يەنە نۇرغۇن سېپىلسىز يېزىلارمۇ بار ئىدى. بىز خەشبوندا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخوننىڭ شەھەرلىرىدە قانداق قىلغان بولساق، ئوگنىڭ بارلىق شەھەرلىرىدىمۇ شۇنداق قىلىپ، ئەر-ئايال ۋە بالىلارنى قىرغىن قىلدۇق. لېكىن چارۋا ماللار ۋە شەھەرلىرىدىكى مال-مۈلۈكلەرنى ئولجا قىلدۇق. شۇنداق قىلىپ، بىز ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ھەر ئىككى ئامور پادىشاھىنىڭ زېمىنىنى تارتىۋالدۇق. ئارنون جىلغىسىدىن تاكى خەرمون تېغىغىچە بولغان يەرلەر بىزنىڭ بولدى. (خەرمون تېغىنى سىدونلۇقلار سىريون، ئامور خەلقى سىنىر، دەپ ئاتايدۇ.) بىز ئېگىزلىكتىكى بارلىق شەھەرلەرنى، گىلئاد ۋە باشان زېمىنلىرىنى، باشاندىكى ئوگ پادىشاھقا قاراشلىق سالكاھ ۋە ئەدرەئى شەھەرلىرىگىچە بولغان جايلارنى قولغا كىرگۈزدۇق. (پادىشاھ ئوگ رافاھلارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ھايات قالغان ئەڭ ئاخىرقى ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ كارىۋىتى تۆمۈر بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تۆت مېتىر، كەڭلىكى بىر مېتىر سەكسەن سانتىمېتىر ئىدى. ئۇ كارىۋات ئاممونلارنىڭ رابباھ شەھىرىدە ھازىرغىچە بار.) _ بىز بۇ زېمىنلارنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، مەن ئارنون جىلغىسىغا جايلاشقان ئاروئېرنىڭ شىمالىدىكى رايونلارنى، گىلئاد تاغلىق رايونىنىڭ يېرىمىنى ۋە ئۇ يەردىكى شەھەرلەرنى رۇبېن ۋە گاد قەبىلىلىرىگە بۆلۈپ بەردىم. گىلئادنىڭ قالغان يېرىمىنى ھەمدە پۈتۈن باشاننى، يەنى ئوگنىڭ پادىشاھلىقىنى ماناسسە قەبىلىسىنىڭ يېرىمىغا بۆلۈپ بەردىم. (باشان، يەنى پۈتۈن ئارگوب زېمىنى رافاھلارنىڭ زېمىنلىرى دەپمۇ ئاتىلاتتى. ماناسسە قەبىلىسىدىن بولغان يائىر پۈتۈن ئارگوب زېمىنىغا، يەنى باشانغا ئىگە بولدى. بۇ زېمىنىنىڭ چېگراسى گىشۇرلار ۋە مائاكالارنىڭ زېمىنىغا تۇتىشاتتى. ئۇ يېزىلارغا ئۆزىنىڭ ئىسمىنى قويدى، بۇلار تاكى ھازىرغىچە «يائىر يېزىلىرى» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.) ماناسسە قەبىلىسىگە تەقسىم قىلىنغان گىلئادنى ماكىر جەمەتىگە بەردىم. گىلئادتىن ئارنون جىلغىسىغىچە بولغان زېمىننى رۇبېن ۋە گاد قەبىلىلىرىگە بۆلۈپ بەردىم. ئارنون جىلغىسىنىڭ ئوتتۇرىسى بۇ ئىككى قەبىلىگە تەۋە زېمىنلارنىڭ جەنۇبىي چېگراسى ئىدى، ئۇلارنىڭ زېمىنى ئامموننىڭ چېگراسى بولغان ياببوق دەرياسىغىچە سوزۇلغانىدى. ئۇلارنىڭ غەربىي چېگراسى ئىئوردان دەرياسى بىلەن، شىمالىي چېگراسى جەلىلىيە كۆلى بىلەن، جەنۇبىي چېگراسى ئۆلۈك دېڭىز بىلەن، شەرقىي چېگراسى پىسگاھ تېغى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. شۇ ۋاقىتتا مەن ئۇلارغا مۇنداق دېدىم: «پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بۇ زېمىننى سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەردى. لېكىن سىلەرنىڭ قوراللانغان بارلىق لەشكەرلىرىڭلار ئالدى بىلەن دەريادىن ئۆتسۇن، باشقا قەبىلىلەر ئارقاڭلاردىن ئەگەشسۇن. پەقەت ئايالىڭلار، بالا-چاقىلىرىڭلار ۋە چارۋا ماللىرىڭلار (سىلەرنىڭ نۇرغۇن چارۋا ماللىرىڭلارنىڭ بارلىقىدىن خەۋىرىم بار) مەن سىلەرگە بۆلۈپ بەرگەن شەھەرلەردە تۇرۇپ تۇرسۇن. سىلەر ئەمدى قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ پەرۋەردىگار ئاتا قىلغان ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى زېمىنىنى ئىشغال قىلىشىغا يار-يۆلەكتە بولۇڭلار. پەرۋەردىگار سىلەرنى بۇ يەرگە خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرغىنىدەك، ئۇلارنىمۇ ئۇ يەرگە خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرغۇچە ھەمدەمدە بولۇڭلار. ئاندىن سىلەر مەن سىلەرگە بۆلۈپ بەرگەن بۇ زېمىنغا قايتىپ كەلسەڭلار بولىدۇ.» ئۇ چاغدا مەن يوشۇۋاغا: «سەن پەرۋەردىگارىڭ خۇدانىڭ ئىككى پادىشاھقا نېمە قىلغانلىقىنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆردۈڭ. سەن دەريادىن ئۆتۈپ، باشقا ئەللەرنى ئىشغال قىلىشقا ئاتلانغىنىڭدا، پەرۋەردىگار ئۇ ئەللەرنىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋالغا چۈشۈرىدۇ. ئۇلاردىن قورقماڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۆزى سىلەر ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ» دېدىم. _ ئۇ ۋاقىتتا مەن پەرۋەردىگاردىن مۇنداق دەپ ئۆتۈندۈم: «ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، سەن مەن خىزمەتكارىڭغا ئۇلۇغلۇقۇڭ ۋە قۇدرىتىڭنى نامايان قىلىشقا باشلىدىڭ. مەيلى ئاسماندا، مەيلى يەردە بولسۇن، سەن قىلغان ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلالايدىغان باشقا ھېچقانداق خۇدا يوقتۇر! ئۆتۈنەي، مېنىڭ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئۇ تەرەپتىكى گۈزەل زېمىننى، ئاشۇ گۈزەل تاغلىق يەرلەرنى ۋە لىۋاننى كۆرۈشۈمگە نېسىپ قىلغايسەن.» لېكىن سىلەرنىڭ تۈپەيلىڭلاردىن پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا غەزىپى كېلىپ، ئۆتۈنۈشۈمگە قۇلاق سالمىدى. ئۇ ماڭا: «بولدى، بۇ ئىشنى يەنە ئاغزىڭغا ئالمىغىن. پىسگاھ تېغىنىڭ چوققىسىغا چىقىپ، شەرق، جەنۇب، غەرب ۋە شىمال تەرەپلەرگە نەزەر سالساڭ بولىدۇ، لېكىن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتسەڭ بولمايدۇ. سەن بۇ ئىشنى يوشۇۋاغا ھاۋالە قىلغىن، ئۇنى ئىلھاملاندۇرۇپ ئىرادىسىنى مۇستەھكەملىگىن. چۈنكى ئۇ ئىسرائىللارنى باشلاپ دەريادىن ئۆتۈپ، سەن نەزەر سالغان ئاشۇ زېمىننى ئىگىلەيدۇ» دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىز بەيت-پىئورنىڭ قارشىسىدىكى جىلغىغا كېلىپ چۈشتۇق. _ ئەي ئىسرائىللار، مەن سىلەرگە ئۆگەتمەكچى بولغان قانۇن-نىزاملارغا قۇلاق سېلىڭلار، ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار ھايات قالىسىلەر، ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىنغا كىرىپ، ئۇ يەرگە ئىگە بولالايسىلەر. مەن سىلەرگە بۇيرۇغان ئەمرلىرىمگە بىر نەرسە قوشماڭلار ياكى چىقىرىۋەتمەڭلار. مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار. سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ بائال-پىئوردا قىلغان ئىشلىرىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار. ئۇ ئاراڭلاردىكى پىئورنىڭ ئىلاھى بائالغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسىنى يوقاتتى. لېكىن پەرۋەردىگارغا سادىق بولغان ھەممىڭلار بۈگۈنگىچە ھايات قالدىڭلار. مەن پەرۋەردىگارىم خۇدانىڭ ماڭا قىلغان ئەمرلىرى بويىچە، ئۇنىڭ قانۇن-نىزاملىرىنى سىلەرگە ئۆگەتتىم. ئۇلارنى سىلەر || ئىگىلىگەن | ئىگىلەيدىغان || زېمىنلاردا ئىجرا قىلىڭلار. سىلەر بۇ قانۇن-نىزاملارغا ئەمەل قىلساڭلار، يات ئەللەرمۇ سىلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتىڭلارنى بىلىپ يېتىدۇ. ئۇلار بۇ قانۇن-نىزاملارنى ئاڭلاپ: «بۇ ئۇلۇغ خەلق ھەقىقەتەن ئەقىل-پاراسەتلىك ئىكەن» دېيىشىدۇ. بىز ھەر قېتىم پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا ئىلتىجا قىلغىنىمىزدا، ئۇ بىزگە شۇنچىلىك يېقىندۇر. قايسى ئۇلۇغ خەلقنىڭ مۇشۇنداق خۇداسى بار؟ قايسى ئۇلۇغ خەلقنىڭ مەن بۈگۈن سىلەرگە ئۆگەتكەندەك شۇنداق ئادالەتلىك قانۇن-نىزاملىرى بار؟ لېكىن ھوشيار بولۇڭلار، ئېھتىيات قىلىڭلار! ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرگىنىڭلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار، ئۇلارنى ئۆمۈر بويى ئېسىڭلاردا ساقلاڭلار، پەرزەنتلىرىڭلار ۋە نەۋرە-چەۋرىلىرىڭلارغا ئېيتىپ بېرىڭلار. سىلەر سىناي تېغىدا پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئالدىدا تۇرغان ئاشۇ كۈنى، پەرۋەردىگار ماڭا: «خەلقنى ھۇزۇرۇمغا يىغقىن، ئۇلار سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ، مەندىن ئۆمۈر بويى ئەيمىنىشنى ئۆگەنسۇن، پەرزەنتلىرىگىمۇ ئۆگەتسۇن» دېدى. سىلەر تاغنىڭ ئېتىكىگە كېلىپ تۇردۇڭلار. تاغ كۆيۈپ، ئوت يالقۇنى ئاسمانغا تاقاشقانىدى. قارا بۇلۇت ۋە قاراڭغۇلۇق تاغنى قاپلىغانىدى. پەرۋەردىگار ئوت ئىچىدىن سىلەرگە سۆز قىلدى. سىلەر ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىڭلار، لېكىن ئۆزىنى كۆرەلمىدىڭلار. پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىلا ئاڭلاندى. ئۇ سىلەرگە ئۆزىنىڭ ئەھدىسىنى، يەنى سىلەر ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئون تۈرلۈك پەرزنى ئېلان قىلدى ھەمدە ئۇنى ئىككى پارچە تاش تاختىغا يازدى. ئەينى چاغدا پەرۋەردىگار ماڭا بۇ قانۇن-نىزاملارنى سىلەرگە ئۆگىتىشىمنى ۋە بۇ قانۇنلارنى سىلەر || ئىگىلىگەن | ئىگىلەيدىغان || زېمىنلاردا ئىجرا قىلىشىڭلارنى ئەمر قىلدى. _ پەرۋەردىگار سىناي تېغىدىكى ئوت ئىچىدىن سىلەرگە سۆزلەۋاتقاندا، سىلەر ئۇنىڭ سىياقىنى كۆرمىدىڭلار. شۇڭا سىلەر ئىنتايىن ھوشيار بولۇڭلار، سىلەر ئۆزۈڭلارنى بۇلغاپ، بۇت ياسىماڭلار. خۇدانى بىرەر ئەرگە، ئايالغا، ياۋايى ھايۋان ياكى ئۇچارقانات، يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋان ياكى بېلىققا ئوخشىتىپ، ئۇلارنىڭ شەكلىدە بۇت ياسىماڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئالەمدىكى ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان قۇياش، ئاي، يۇلتۇز قاتارلىق ئاسمان جىسىملىرىنى كۆرگەن ۋاقتىڭلاردا، ۋەسۋەسىگە چۈشۈپ، ئۇلارغا سەجدە قىلىپ، چوقۇنماڭلار. پەرۋەردىگار سىلەرنى مىسىردىن _ تۆمۈر تاۋلاش ئوچىقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ بۈگۈنكىدەك قىممەتلىك خەلقى قىلدى. سىلەرنىڭ تۈپەيلىڭلاردىن پەرۋەردىگار خۇدا ماڭا غەزەپلىنىپ، مېنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزمەسلىككە، سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرمەكچى بولغان ئاشۇ گۈزەل زېمىنغا كىرگۈزمەسلىككە قەسەم قىلدى. مەن بۇ يەردە ۋاپات بولىمەن، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتەلمەيمەن. لېكىن سىلەر ئۆتۈپ، ئاشۇ گۈزەل زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىسىلەر. ھوشيار بولۇڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى ئۇنتۇماڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھەر خىل نەرسىنىڭ سىياقىدا بۇت ياسىماڭلار. چۈنكى سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا خۇددى دەھشەتلىك كۆيۈۋاتقان ئوتتۇر، ئۇ قىزغىنىدىغان خۇدادۇر. كەلگۈسىدە سىلەر ئۇ يەرگە ئورۇنلىشىپ، نەۋرە-چەۋرىلىك بولغىنىڭلاردا، ھەر خىل بۇتلارنى ياساپ، ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئۇنى غەزەپلەندۈرمەڭلار. ئەگەر مېنىڭ دېگىنىمدەك قىلمىساڭلار، بۈگۈن ئاسمان-زېمىن سىلەرگە قارشى گۇۋاھ بولسۇنكى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشىسىدىكى سىلەر ئىگىلەيدىغان زېمىنىڭلاردا تېز ۋەيران قىلىنىپ، پۈتۈنلەي يوق قىلىنىسىلەر. ئۇ يەردە ئۇزاق ياشىيالمايسىلەر. پەرۋەردىگار سىلەرنى باشقا ئەللەرگە تارقىتىۋېتىدۇ. ئۇ ئەللەردە پەقەت بىر قىسمىڭلارلا ئامان قالىسىلەر. سىلەر ئۇ يەردە ياغاچ ياكى تاشتىن ياسالغان بۇت ئىلاھلارغا چوقۇنىسىلەر، ئۇلار ھېچنېمە كۆرەلمەيدۇ، ئاڭلىيالمايدۇ، يېيەلمەيدۇ ياكى پۇرىيالمايدۇ. لېكىن سىلەر ئۇ يەردە پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى پۈتۈن قەلبىڭلار، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن ئىزدىسەڭلار، تاپالايسىلەر. بۇ ئىشلار بېشىڭلارغا كېلىپ، ئازاب چەككەن ۋاقتىڭلاردا، ئاندىن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ يولىغا قايتىسىلەر، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىسىلەر. چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا رەھىمدىل خۇدادۇر. ئۇ سىلەرنى تاشلىۋەتمەيدۇ، ھالاك قىلمايدۇ ھەم ئەجدادلىرىڭلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. _ ئۆتمۈشنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭلار. خۇدا ئىنساننى ياراتقاندىن بېرى، پۈتۈن دۇنيادا مۇشۇنداق بىر ئىش يۈز بېرىپ بېقىپتىمۇ؟ مۇشۇنداق بىر ئىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى كىم ئاڭلاپ بېقىپتۇ؟ ئوت ئىچىدىن سۆزلەۋاتقان خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، يەنە ھايات قالغان سىلەرگە ئوخشاش باشقا بىر خەلق بارمۇ؟ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى مىسىردىكى قۇللۇقتىن قۇتقۇزۇپ چىققىنىدەك، قايسى بىر ئىلاھ بىر ئەلدىن بىر خەلقنى ئۆزى ئۈچۈن ئېلىپ چىققان؟ ئۇ ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولى بىلەن ئاپەت، مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ، ئۇرۇش ۋە ئادەمگە ۋەھىمە سالىدىغان ئىشلارنى كۆز ئالدىڭلاردا پەيدا قىلىپ، سىلەرنى قۇتقۇزدى. پەرۋەردىگارنىڭ بۇنداق قىلىشى ئۆزىنىڭ خۇدا ئىكەنلىكىنى، ئۆزىدىن باشقا بىر خۇدانىڭ يوق ئىكەنلىكىنى سىلەرگە بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت ئىدى. ئۇ ئەرشتىن ئاۋازىنى ئاڭلىتىپ، سىلەرگە تەربىيە بەردى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۈيۈك ئوتىنى زېمىندا كۆرسەتتى، سىلەرمۇ ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئوت ئىچىدىن ئاڭلىدىڭلار. ئۇ ئەجدادلىرىڭلارنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان سىلەرنى تاللىدى. ئۇ شەخسەن ئۆزىنىڭ بۈيۈك كۈچ-قۇدرىتى بىلەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى. خۇددى بۈگۈنكىگە ئوخشاش، سىلەردىن چوڭ ۋە كۈچلۈك بولغان ئەللەرنى كۆز ئالدىڭلاردا قوغلىۋېتىپ، سىلەرنى ئۇلارنىڭ زېمىنىغا ئېلىپ كىردى. ئۇلارنىڭ زېمىنىنى سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەردى. شۇڭا سىلەر شۇنى بىلىشىڭلار ۋە ئېسىڭلاردا تۇتۇشۇڭلار كېرەككى، پەرۋەردىگار ئەرشنىڭ ۋە زېمىننىڭ خۇداسىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا خۇدا يوقتۇر. مەن بۈگۈن پەرۋەردىگارنىڭ قانۇن-نىزاملىرىنى سىلەرگە يەتكۈزىمەن، ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، سىلەر ۋە ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ بارلىق ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە مەڭگۈ ئىگىدارچىلىق قىلىشقا ئاتا قىلغان بۇ زېمىندا ئۇزۇن ياشىيالايسىلەر. _ ئەينى چاغدا مۇسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا ئۈچ شەھەرنى پاناھلىق ئۈچۈن بەلگىلىگەنىدى. بىخەستەلىكتىن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغان ۋە ئۆلگۈچى بىلەن ھېچقانداق ئاداۋىتى بولمىغان كىشىلەر بۇ شەھەرلەرگە قېچىپ بېرىپ پاناھلىناتتى. رۇبېن قەبىلىسى ئۈچۈن ئېگىزلىكتىكى چۆللۈككە جايلاشقان بەزەر شەھىرى، گاد قەبىلىسى ئۈچۈن گىلئادتىكى راموت شەھىرى، ماناسسە قەبىلىسى ئۈچۈن باشاندىكى گولان شەھىرى بەلگىلەپ بېرىلگەنىدى. تۆۋەندىكىلەر مۇسا ئىسرائىللارغا ئۆگەتكەن قانۇندۇر. مۇسا بۇ قانۇن-نىزام ۋە قائىدىلەرنى ئىسرائىللار مىسىردىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۇلارغا ئۆگەتتى. ئەينى چاغدا ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى بەيت-پىئورنىڭ قارشى تەرىپىدىكى جىلغىدا تۇراتتى. بۇ يەر ئەسلى خەشبوندا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئامور خەلقىنىڭ پادىشاھى سىخونغا قاراشلىق ئىدى. مۇسا ئىسرائىللارنى باشلاپ مىسىردىن ئايرىلغاندىن كېيىن، سىخوننى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇنىڭ زېمىنىنى ۋە باشان پادىشاھى ئوگنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىدى. سىخون بىلەن ئوگ ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى ئامورلارنىڭ ئىككى پادىشاھى ئىدى. بۇ ئەللەرنىڭ زېمىنلىرى ئارنون جىلغىسىنىڭ چېتىگە جايلاشقان ئاروئېر شەھىرىدىن سىريون تېغىغىچە، يەنى خەرمون تېغىغىچە سوزۇلاتتى. شۇنداقلا ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى پۈتۈن ۋادىلارنى، پىسگاھ تېغى ئېتىكىدىكى ئۆلۈك دېڭىزنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. مۇسا پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا بۇ سۆزلەرنى قىلدى: _ ئەي ئىسرائىللار، بۈگۈن مەن سىلەرگە جاكارلىغان بۇ قانۇن-نىزاملارغا قۇلاق سېلىڭلار، ئۇلارنى ئۆگىنىڭلار، ئۇلارغا كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار. پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىز بىلەن سىناي تېغىدا ئەھدە تۈزگەنىدى. بۇ ئەھدىنى ئەجدادلىرىمىز بىلەنلا ئەمەس، بەلكى بۇ يەردە ھايات ياشاۋاتقان بىزلەر بىلەنمۇ تۈزگەنىدى. پەرۋەردىگار تاغدىكى كۆيۈۋاتقان ئوت ئىچىدىن سىلەر بىلەن يۈزمۇيۈز تۇرۇپ سۆزلەشكەنىدى. ئەينى چاغدا سىلەر ئوتتىن قورققانلىقىڭلار ئۈچۈن، تاغ ئۈستىگە چىقمىدىڭلار. مەن پەرۋەردىگار بىلەن سىلەرنىڭ ئوتتۇراڭلاردا تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى سىلەرگە يەتكۈزۈپ بەردىم. پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: «مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن، سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇردۇم. مەندىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھىڭلار بولمىسۇن. ئاسمان، زېمىن ياكى سۇدىكى ھەرقانداق نەرسىلەرنىڭ شەكلىدە بۇت ياسىماڭلار. ئۇلارغا چوقۇنۇپ، سەجدە قىلماڭلار. چۈنكى مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا قىزغىنىدىغان خۇدادۇرمەن. مەندىن نەپرەتلەنگەنلەرنى تاكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ئەۋلادىغىچە جازالايمەن. لېكىن، مېنى سۆيگەن، ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلغانلارنىڭ مىڭ ئەۋلادىغىچە مېھرىبانلىق قىلىمەن. نامىمنى قالايمىقان تىلغا ئالماڭلار. كىمدەكىم نامىمنى قالايمىقان تىلغا ئالسا، مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۇنى چوقۇم جازالايمەن. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئەمر قىلغاندەك، دەم ئېلىش كۈنىنى مۇقەددەس كۈن بىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭلار. ئالتە كۈن ئىشلەپ، ھەممە ئىشلىرىڭلارنى قىلىۋېلىڭلار. يەتتىنچى كۈنى ماڭا ئاتالغان كۈن بولۇپ، بۇ كۈنى مەيلى سىلەر بولۇڭلار، مەيلى پەرزەنتلىرىڭلار، قۇللىرىڭلار، دېدەكلىرىڭلار ياكى يۇرتۇڭلاردا ياشايدىغان يات خەلقلەر بولسۇن، ھېچكىم ھېچقانداق ئىش قىلمىسۇن. ھەتتا ئۆكۈزۈڭلار، ئېشىكىڭلار ياكى باشقا چارۋا مېلىڭلارنىمۇ ئىشلەتمەڭلار. قۇللىرىڭلار ۋە دېدەكلىرىڭلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش دەم ئالسۇن. ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، سىلەر مىسىردىكى ۋاقتىڭلاردا قۇل بولغانىدىڭلار. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولۇم بىلەن سىلەرنى قۇللۇقتىن ئېلىپ چىقتىم. شۇڭا، مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا دەم ئېلىش كۈنۈڭلارنى بەلگىلىدىم. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئەمر قىلغاندەك، ئاتا-ئاناڭلارنى ھۆرمەتلەڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، مەن سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، بەختلىك ياشايسىلەر. قاتىللىق قىلماڭلار. زىنا قىلماڭلار. ئوغرىلىق قىلماڭلار. يالغان گۇۋاھلىق بەرمەڭلار. باشقىلارنىڭ ئايالى، ئۆي-ئىمارەتلىرى، ئېتىزلىرى، قۇللىرى، دېدەكلىرى، ئۆكۈزلىرى، ئېشەكلىرى ياكى باشقا تەئەللۇقاتلىرىغا كۆز قىرىڭلارنى سالماڭلار.» يۇقىرىدىكىلەر پۈتۈن خەلق تاغنىڭ ئېتىكىگە يىغىلغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ تاغ ئۈستىدە ئوت، قارا بۇلۇت ۋە قويۇق قاراڭغۇلۇق ئىچىدە تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن سىلەرگە ئېيتقان ئون پەرزىدۇر. ئۇ بۇنىڭدىن باشقا ھېچنېمە دېمىدى. ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئىككى پارچە تاش تاختىغا يېزىپ، ماڭا تاپشۇردى. ئەينى چاغدا تاغدا ئوت كۆيۈۋاتاتتى، سىلەر پەقەت قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن كېلىۋاتقان ئاۋازنى ئاڭلايتتىڭلار. ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ باشلىقلىرى ۋە ئاقساقاللىرى ئالدىمغا كېلىپ، مۇنداق دېگەنىدىڭلار: «قاراڭلار، پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزگە ئۆزىنىڭ شان-شەرىپى ۋە ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسەتتى. بىز ئۇنىڭ ئوت ئىچىدىن كەلگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدۇق. بىز بۈگۈن ئىنسان زاتىنىڭ خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنمۇ يەنە تىرىك قالغانلىقىنى كۆردۇق. شۇنداق تۇرۇقلۇق، بىز نېمىشقا يەنە خەۋپكە تەۋەككۈل قىلايلى؟ ئۇ قورقۇنچلۇق ئوت يالقۇنى ئاڭلىساق، جەزمەن ھالاك بولىمىز. بۇ دۇنيادا كىممۇ بىزگە ئوخشاش مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ ئوت ئىچىدىن كەلگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ يەنە ھايات قالالىغان؟ ئەگەر سەن بېرىپ، پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئاندىن كېلىپ بىزگە يەتكۈزسەڭ، بىز ئاڭلايمىز، ئىتائەت قىلىمىز.» پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ سۆزۈڭلارنى ئاڭلاپ، ماڭا مۇنداق دېدى: «مەن خەلقنىڭ ساڭا دېگەنلىرىنى ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسى توغرا. ئۇلارنىڭ مەندىن ھەر دائىم ئەيمىنىشىنى، پەرزلىرىمگە ئەمەل قىلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن. شۇنداق قىلسا، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى مەڭگۈ بەختكە ئېرىشىدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىن، ئۇلار چېدىرلىرىغا قايتىپ كەتسۇن، لېكىن سەن يېنىمدا قالغىن. مەن ساڭا بارلىق ئەمرلەرنى، قانۇن-نىزاملارنى سۆزلەپ بېرەي، سەن ئۇلارنى خەلققە ئۆگەتكىن. ئۇلار بۇ قانۇننى مەن ئۇلارغا مۈلۈك قىلىپ بەرگەن زېمىنلاردا ئەمەلگە ئاشۇرسۇن.» شۇڭا سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەمر قىلغانلىرىغا ئىتائەت قىلىڭلار، ئۇنىڭ يولىدىن چەتنەپ كەتمەڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئەمر قىلغان يول بويىچە مېڭىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ھايات قالىسىلەر، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، || ئىگىلىگەن | ئىگىلەيدىغان || زېمىنلاردا گۈللىنىسىلەر. _ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ماڭا تۆۋەندىكى ئەمر ۋە قانۇن-نىزاملارنى سىلەرگە ئۆگىتىشىمنى ئەمر قىلدى. ئۇنىڭغا سىلەر || ئىگىلىگەن | ئىگىلەيدىغان || زېمىنلاردا ئەمەل قىلىڭلار. سىلەر، پەرزەنتلىرىڭلار ۋە نەۋرىلىرىڭلار پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن ئۆمۈرۋايەت ئەيمىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مەن ئارقىلىق سىلەرگە يەتكۈزۈلگەن بارلىق قانۇن-نىزاملىرىغا ئەمەل قىلساڭلار، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسىلەر. ئەي ئىسرائىللار ئاڭلاڭلار، كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىندا ئىشلىرىڭلار راۋان بولىدۇ، خەلقىڭلار كۆپىيىدۇ. بۇنى ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدا سىلەرگە ۋەدە قىلغاندۇر. ئەي ئىسرائىللار، قۇلاق سېلىڭلار، پەرۋەردىگار بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر، ئۇ يېگانىدۇر. پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇدانى پۈتۈن قەلبىڭلار، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار ۋە پۈتۈن كۈچۈڭلار بىلەن سۆيۈڭلار. بۈگۈن سىلەرگە يەتكۈزگەن بۇ ئەمرلەرنى قەلبىڭلاردا ساقلاڭلار. پەرزەنتلىرىڭلارغا سەمىمىي ئۆگىتىڭلار. مەيلى ئۆيدە، مەيلى يولدا، مەيلى ياتقاندا، مەيلى تۇرغاندا بولسۇن، بۇ ئەمرلەر ھەققىدە داۋاملىق سۆزلەڭلار. بۇلارنى تۈگۈنچەككە تۆگۈپ، نىشانە سۈپىتىدە قولۇڭلارغا باغلىۋېلىڭلار، پېشانەڭلارغا ئېسىۋېلىڭلار. ئىشىكىڭلارنىڭ كېشەكلىرىگە ۋە دەرۋازىلىرىڭلارغا يېزىپ قويۇڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى ئەجدادلىرىڭلار ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپقا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان زېمىنغا باشلاپ كىرىدۇ. لېكىن ئۇ يەردىكى چوڭ، ھەيۋەتلىك شەھەرلەرنى سىلەر قۇرمىغان. ئۇ يەردىكى ئۆيلەردە تولۇپ تۇرغان گۈزەل نەرسىلەرنى سىلەر توپلىمىغان، قۇدۇقلارنى سىلەر قازمىغان، ئۈزۈمزارلىق ۋە زەيتۇنلۇقلارنى سىلەر بەرپا قىلمىغان. شۇڭا سىلەر ئۇ يەردە يەپ-ئىچىپ تويغاندىن كېيىن، دىققەت قىلىڭلار، سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرغان پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار! پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن ئەيمىنىڭلار، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، يالغۇز ئۇنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىڭلار. ئەتراپىڭلاردىكى يات ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنماڭلار. بولمىسا، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى تۇتۇپ، سىلەرنى يەر يۈزىدىن يوقىتىدۇ. چۈنكى ئاراڭلاردىكى خۇدا باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنۇشۇڭلاردىن قىزغىنىدىغان خۇدادۇر. ماسساھتا خەلق پەرۋەردىگار خۇدانى سىنىغانىدى، يەنە سىناپ بېقىش غەرىزىدە بولماڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئەمر قىلغان پەرزلەر، قانۇن-نىزاملارغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئەمەل قىلىڭلار. پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس ۋە ياخشى بولغان ئىشلارنى قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ھەممە ئىشىڭلار ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلارغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان گۈزەل زېمىنغا ئىگە بولىسىلەر. خۇددى پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك، پەرۋەردىگارىڭلار ئۇ يەردىن دۈشمىنىڭلارنى قوغلاپ چىقىرىدۇ. كەلگۈسىدە ئەۋلادىڭلار سىلەردىن: «پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ بىزگە جاكارلىغان بۇ پەرز ۋە قانۇن-نىزاملىرىنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟» دەپ سورايدۇ. سىلەر ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بېرىڭلار: «بىز مىسىردا پىرئەۋننىڭ قۇللىرى بولۇپ ياشاۋاتقاندا، پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك قولى بىلەن بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى. بىز پەرۋەردىگارنىڭ بۈيۈك ئىشلىرىنى، قورقۇنچلۇق مۆجىزىلىرىنى ھەمدە مىسىرنى، پىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنى قانداق جازالىغانلىقىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق. ئۇ بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، ئەجدادلىرىمىزغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا ئېلىپ كەلدى ۋە بۇ زېمىننى بىزگە ئاتا قىلدى. بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزگە بارلىق قانۇنلىرىغا ئەمەل قىلىشىمىزنى، ئۆزىدىن ئەيمىنىشىمىزنى ئەمر قىلغاندۇر. شۇنداق قىلساق، خۇددى بۈگۈنكىدەك ھايات قېلىپ، ھەمىشە بەخت ئىچىدە ياشايمىز. ئەگەر بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ بىزگە بەرگەن بارلىق ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلساق، ھەققانىي ئادەم ھېسابلىنىمىز.» _ سىلەر ئىگىلەيدىغان زېمىنلارغا پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى باشلاپ كىرگەندە، خىت، گىرگاش، ئامور، كەنئان، پەرىززى، خىۋ، يىبۇس قاتارلىق سىلەردىن چوڭ ۋە كۈچلۈك بولغان يەتتە خەلقنى كۆز ئالدىڭلاردا زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۇلارنى سىلەرگە تاپشۇرغاندا، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىڭلار، تەلتۆكۈس يوقىتىڭلار. ئۇلار بىلەن كېلىشىم تۈزۈشكە، ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىشقا بولمايدۇ. ئۇلار بىلەن توي قىلماڭلار، ئۇلارغا قىز بەرمەڭلار ھەم ئۇلاردىن قىز ئالماڭلار. چۈنكى ئۇلارنىڭ قىزلىرى ئوغۇللىرىڭلارنى پەرۋەردىگاردىن ۋاز كەچتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇندۇرسا، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى تۇتۇپ، سىلەرنى تېزلا ھالاك قىلىدۇ. سىلەر مۇنداق قىلىڭلار: ئۇلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى چۇۋۇۋېتىڭلار، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىنى يىقىتتىڭلار، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى بۇزۇۋېتىڭلار، باشقا بۇتلىرىنىمۇ كۆيدۈرۈۋېتىڭلار. سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئالاھىدە ئاتالغان خەلقسىلەر. پەرۋەردىگار يەر يۈزىدىكى بارلىق خەلقلەرنىڭ ئارىسىدىن سىلەرنى تاللاپ، ئۆزىنىڭ قىممەتلىك خەلقى قىلدى. پەرۋەردىگار سىلەرنى سانىڭلارنىڭ باشقا ئەللەردىن كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن تاللىدى. ئەمەلىيەتتە سىلەر جاھاندىكى ئەللەر ئارىسىدا ئەڭ كىچىك بىر خەلق. پەرۋەردىگار سىلەرنى سۆيگەنلىكى ۋە ئەجدادلىرىڭلارغا بەرگەن ۋەدىسىدە چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، قۇدرەتلىك قولى بىلەن سىلەرنى مىسىر پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇللۇقتىن قۇتقۇزدى. سىلەر شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ھەقىقىي ۋە ئىشەنچلىك خۇدادۇر. ئۇ ئۆز ئەھدىسىدە تۇرۇپ، ئۆزىنى سۆيگەنلەرنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغانلارنىڭ مىڭ ئەۋلادىغىچە مېھرىبانلىق قىلىدۇ. لېكىن ئۇ ئۆزىگە ئۆچمەنلىك قىلغانلارغا كېچىكتۈرمەيلا جازا بېرىدۇ، ئۇلارنى ھالاك قىلىدۇ. شۇڭا سىلەر مەن بۈگۈن سىلەرگە يەتكۈزگەن پەرز، قانۇن-نىزاملارغا كۆڭۈل قويۇپ، ئەمەل قىلىڭلار. ئەگەر سىلەر بۇلارنىڭ ھەممىسىگە بويسۇنساڭلار، ئەمەل قىلساڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئەجدادلىرىڭلار بىلەن قەسەم قىلىپ تۈزگەن ئەھدىسىدە تۇرۇپ، سىلەرگە مېھرىبانلىق قىلىدۇ. ئۇ سىلەرنى سۆيىدۇ، سىلەرگە بەخت ئاتا قىلىدۇ. ئۇ سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىندا نەسلىڭلارنى كۆپەيتىپ، ھەر خىل ئاشلىق، شاراب، زەيتۇن يېغى، قوي ۋە كالاڭلارنى مول قىلىدۇ. سىلەر پۈتكۈل خەلقلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ بەختلىك خەلق بولىسىلەر. چارۋا ماللىرىڭلار قىسىر قالمايدۇ. پەرۋەردىگار سىلەرنى بارلىق ئاغرىق-سىلاقلاردىن، سىلەر مىسىردا كۆرگەن يامان كېسەللەردىن ساقلايدۇ. پەرۋەردىگار بۇ كېسەللەرنى سىلەرنى يامان كۆرگەنلەرگە بېرىدۇ. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا قولۇڭلارغا تاپشۇرغان بارلىق يات ئەللەرنى ھالاك قىلىڭلار، رەھىم قىلماڭلار. ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنماڭلار، چۈنكى ئۇلارغا چوقۇنۇش سىلەرگە بىر تۇزاق بولىدۇ. بەلكىم سىلەر كۆڭلۈڭلاردا: «بۇ ئەللەر شۇنداق كۈچلۈك تۇرسا، بىز ئۇلارنى قانداق قوغلاپ چىقىرارمىز؟» دەپ ئويلىشىڭلار مۇمكىن. ئۇلاردىن قورقماڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ مىسىرغا ۋە پىرئەۋنگە قانداق قىلغانلىقىنى ئېسىڭلاردىن چىقارماڭلار. سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ قانداق ئېغىر ئاپەتلەرنى چۈشۈرگەنلىكىنى، ئاجايىپ مۆجىزىلىرىنى، كارامەتلىرىنى ۋە ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولى بىلەن سىلەرنى مىسىردىن قانداق ئېلىپ چىققانلىقىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا مىسىرغا قانداق قىلغان بولسا، سىلەر قورقىۋاتقان بارلىق يات ئەللەرگىمۇ شۇنداق قىلىدۇ. ئۇ ئۇلارنى پاراكەندە قىلىپ، قاچقان ۋە يوشۇرۇنۇۋالغانلارنىمۇ ھالاك قىلىدۇ. ئۇلاردىن قورقماڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىدۇر، ئۇ ئۇلۇغ ۋە ھەيۋەتلىك خۇدادۇر. ئۇ سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا ئۇ خەلقلەرنى ئاستا-ئاستا قوغلاپ چىقىرىدۇ. ئۇلارنى دەرھال يوقىتىشىڭلارغا يول قويمايدۇ، بولمىسا ئەتراپىڭلاردا يىرتقۇچ ھايۋانلار كۆپىيىپ كېتىدۇ. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۇلارنى سىلەرگە تاپشۇرىدۇ، تاكى ئۇلار يوقالغۇچە ئۇلارنى ئالاقزادىلىككە سالىدۇ. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنى قولۇڭلارغا تاپشۇرغاندا، ئۇلارنىڭ نامىنى يەر يۈزىدىن يوق قىلىۋېتىڭلار. ھېچكىم سىلەرنى توسالمايدۇ، ئۇلارنى ھالاك قىلىڭلار. ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىڭلار. بۇتلىرىنىڭ ئۈستىدىكى ئالتۇن-كۈمۈشلەرگە كۆز قىزارتماڭلار، ئۇلارنى ئۆزۈڭلارنىڭ قىلىۋالماڭلار. چۈنكى بۇ ئالتۇن-كۈمۈشلەر سىلەرنى تۇزاققا چۈشۈرىدۇ. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بۇلاردىن يىرگىنىدۇ. ھەرقانداق يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى ئۆيۈڭلارغا ئېلىپ كەلمەڭلار، بولمىسا سىلەرمۇ ئۇ نەرسىلەرگە ئوخشاش ۋەيران بولىسىلەر. ئۇلاردىن قاتتىق يىرگىنىڭلار ۋە قاتتىق نەپرەتلىنىڭلار. چۈنكى بۇ نەرسىلەر يوقىتىلىشقا تېگىشلىك نەرسىلەردۇر. _ مەن بۈگۈن سىلەرگە يەتكۈزگەن ئەمرلەرگە كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلساڭلار، ھايات قالىسىلەر، ئەۋلادلىرىڭلار كۆپىيىدۇ ھەمدە پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلارغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان زېمىننى ئىگىلىيەلەيسىلەر. سىلەر چۆلدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن قىرىق يىل ئىچىدە، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سىلەرنى قانداق يېتەكلىگەنلىكىنى ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار. ئۇ سىلەرنىڭ نىيىتىڭلارنى ۋە ئۆزىنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغان-قىلمىغانلىقىڭلارنى بىلىش ئۈچۈن سىلەرنى قىيىن ئەھۋالغا قويۇپ سىنىدى، ئاچ قويۇپ قىيىنچىلىق سالدى، ئاندىن سىلەر ۋە ئەجدادلىرىڭلار كۆرۈپ باقمىغان ماننانى رىزىق قىلىپ بەردى. ئىنسان پەقەت نان بىلەنلا ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ ئاغزىدىن چىققان ھەربىر سۆزى بىلەنمۇ ياشايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كىيىم-كېچەكلىرىڭلار يىرتىق بولمىدى، پۇتۇڭلارمۇ ئىششىمىدى. شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى خۇددى ئاتا ئۆز پەرزەنتىنى تەربىيەلىگەندەك تەربىيەلىدى. شۇڭا سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ بارلىق ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىپ، ئۇنىڭ يولىنى تۇتۇڭلار، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىڭلار. چۈنكى ئۇ سىلەرنى گۈزەل بىر زېمىنغا باشلاپ بارىدۇ. ئۇ يەردە جىلغا ۋە تۆپىلىكلەرنى سۇغۇرىدىغان ئېرىق-ئۆستەڭلەر، بۇلاقلار ۋە ئېقىن سۇلار بار. ئۇ يەر بۇغداي، ئارپا، ئۈزۈم، ئەنجۈر، ئانار، زەيتۇن ۋە ھەسەلگە بايدۇر. ئۇ يەردە يېمەكلىكلەر مول بولۇپ، ھېچنېمە كەم ئەمەستۇر. تاشلىرىدىن تۆمۈر، تاغلىرىدىن مىس چىقىدۇ. يەڭلار، تويغىنىڭلاردىن كېيىن، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى مەدھىيەلەڭلار. چۈنكى ئۇ ئاشۇ گۈزەل زېمىننى سىلەرگە ئاتا قىلدى. ئېھتىياتچان بولۇڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى ئۇنتۇپ قالماڭلار. مەن بۈگۈن سىلەرگە يەتكۈزگەن ئەمرلەر، قانۇن ۋە نىزاملارغا ئەمەل قىلماي قالماڭلار. قورسىقىڭلار توق، ئۆزۈڭلار ياسىغان ياخشى ئۆيلەردە ئولتۇرغان، چارۋا مېلىڭلار، ئالتۇن-كۈمۈش ۋە باشقا بايلىقلىرىڭلار كۆپەيگەن ۋاقىتتا، ئېھتىياتچان بولۇڭلار. مەغرۇرلىنىپ كېتىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى ئۇنتۇپ قالماڭلار. ئۇ سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇردى. ئۇ سىلەرگە زەھەرلىك يىلان ۋە چايانلار قاپلىغان قۇرغاق ۋە قورقۇنچلۇق چەكسىز چۆللۈكتە يول باشلاپ ماڭدى. ئىچىشىڭلار ئۈچۈن قاتتىق تاشتىن سۇ چىقىرىپ بەردى. چۆللۈكتە ئەجدادلىرىڭلار ئەزەلدىن يەپ باقمىغان ماننانى يېگۈزدى. سىلەرنى ياخشىلىققا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، قىيىنچىلىق بىلەن سىنىدى. سىلەر بۇ بايلىقلارغا ئىككى قولىمىز ۋە ئىقتىدارىمىزغا تايىنىپ ئېرىشتۇق، دەپ ئويلىماڭلار. ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، سىلەرنىڭ بايلىق تېپىش ئىقتىدارلىقىڭلارنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بەرگەندۇر. ئۇ ئەجدادلىرىڭلار بىلەن قەسەم قىلىپ تۈزگەن ئەھدىسىدە چىڭ تۇرغاچقىلا، سىلەر بۈگۈنكى كۈنگە ئېرىشتىڭلار. ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى ئۇنتۇپ، باشقا ئىلاھلارنى ئىزدىسەڭلار، ئۇلارغا چوقۇنۇپ، سەجدە قىلساڭلار، مەن بۈگۈن سىلەرنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرىمەنكى، سىلەر چوقۇم ھالاك بولىسىلەر! ئەگەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىتائەت قىلمىساڭلار، خۇددى باشقا ئەللەر كۆز ئالدىڭلاردا ھالاك بولغىنىدەك، سىلەرمۇ چوقۇم ھالاك بولىسىلەر. _ ئەي ئىسرائىللار، قۇلاق سېلىڭلار! يېقىندا سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، سىلەردىن چوڭ ۋە كۈچلۈك بولغان ئەللەرنى زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنىغا ئىگىدارچىلىق قىلىسىلەر. ئۇلار سېپىللىرى بۇلۇتقا تاقاشقان چوڭ شەھەرلەردە ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كۈچلۈك ۋە بويلىرى ئېگىز بولغان ئاناقلارنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ باردۇر. سىلەر ئۇلارنى بىلىسىلەر ھەم «ئاناقلارغا كىم قارشى تۇرالايدۇ؟» دېگەن سۆزلەرنىمۇ ئاڭلىغان. لېكىن بۈگۈن بىلىشىڭلار كېرەككى، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئالدىڭلاردا خۇددى دەھشەتلىك كۆيۈۋاتقان ئوتتەك مېڭىپ، ئۇلارنى بويسۇندۇرىدۇ ۋە ھالاك قىلىدۇ. سىلەر ئۇلارنى زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، تېزلا يوقىتىسىلەر. بۇ ئىشلار خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە ئېيتقىنىدەك بولىدۇ. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۇ ئەللەرنى سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا زېمىنىدىن قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن، سىلەر ئۆزۈڭلارچە «بىز ھەققانىي بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، پەرۋەردىگار بىزنى بۇ زېمىننى ئىگىلەشكە ئېلىپ كەلدى» دەپ ئويلىماڭلار. ئەمەلىيەتتە، ئۇ يەردىكى ئەللەر رەزىل بولغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۇلارنى سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا زېمىنىدىن قوغلاپ چىقاردى. سىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىشىڭلار ئىش-ئەمەللىرىڭلارنىڭ ھەققانىي، دۇرۇس بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ رەزىل بولغانلىقى سەۋەبىدىندۇر. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئۇلارنى كۆز ئالدىڭلاردا زېمىنىدىن قوغلىۋېتىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئەجدادلىرىڭلار بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى سەۋەبىدىندۇر. بىلىشىڭلار كېرەككى، پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە ئۇ گۈزەل زېمىننى مۈلۈك قىلىپ بېرىشى، سىلەرنىڭ ھەققانىي بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئەمەستۇر. ئەمەلىيەتتە سىلەر جاھىل خەلقسىلەر. _ خەلقىمىزنىڭ چۆللۈكتە پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ قانداق ئاچچىقىنى كەلتۈرگەنلىكىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار، ئۇنى ئۇنتۇپ قالماڭلار. خەلق مىسىردىن چىققان كۈندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە، پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ كەلدى. سىناي تېغىدا خەلق پەرۋەردىگارنىڭ ئاچچىقىنى شۇنداق كەلتۈردىكى، ئۇ خەلقنى ھالاك قىلماقچى بولدى. مەن تاغقا پەرۋەردىگارنىڭ خەلق بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى يېزىلغان تاش تاختىلارنى تاپشۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن چىقتىم. تاغ ئۈستىدە 40 كېچە-كۈندۈز تۇردۇم، نان يېمىدىم، سۇ ئىچمىدىم. پەرۋەردىگار ماڭا ئىككى پارچە ئەھدە تېشىنى بەردى. تاش تاختىلارنىڭ ئۈستىگە ئاشۇ كۈنى خەلق تاغ ئېتىكىگە يىغىلغاندا، خۇدا تاغدىكى ئوت ئىچىدە تۇرۇپ خەلققە ئېيتقان سۆزلىرى يېزىلغانىدى. پەرۋەردىگار ئەھدىنى تاش تاختىلارغا ئۆز بارمىقى بىلەن ئويغانىدى. قىرىق كېچە-كۈندۈزدىن كېيىن پەرۋەردىگار ئەھدە يېزىلغان ئىككى پارچە تاش تاختىنى ماڭا بەردى. ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا: «تېزدىن تاغدىن چۈشكىن، سەن ئۆزۈڭ مىسىردىن ئېلىپ چىققان بۇ خەلق تاپتىن چىقتى. ئۇلار شۇنچە تېزلا مەن ئەمر قىلغان يولدىن چىقىپ، ئۆزلىرىگە بۇت ياسىۋالدى!» دېدى. پەرۋەردىگار ماڭا: «مەن بۇ خەلقنىڭ جاھىللىقىنى كۆرۈپ يەتتىم. مېنى توسما، مەن ئۇلارنى ھالاك قىلىپ، يەر يۈزىدىن نامىنى يوقىتاي. مەن سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئۇلاردىنمۇ چوڭ ۋە كۈچلۈك بىر خەلق قىلىمەن» دېدى. مەن ئەھدە يېزىلغان ئىككى پارچە تاش تاختىنى قولۇمدا ئېلىپ، تاغدىن قايتىپ چۈشتۈم. تاغدا تېخىچىلا ئوت يالقۇنلاپ تۇراتتى. كۆردۈمكى، خەلق پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئالدىدا ئېغىر گۇناھ قىلىپ، موزاي بۇت ياساپ، ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈپتۇ. ئۇ ئەمر قىلغان يولدىن شۇنچە تېز چەتنەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن قولۇمدىكى ئاشۇ ئىككى پارچە تاش تاختىنى خەلقنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇرۇپ چېقىۋەتتىم. مەن يەنە بىر قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنى يەرگە تاشلاپ، قىرىق كېچە-كۈندۈز نان يېمىدىم، سۇ ئىچمىدىم، چۈنكى خەلقىمىز ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەنىدى. ئۇلار پەرۋەردىگار يىرگىنىدىغان ئىشنى قىلىپ، ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارغا قاتتىق غەزىپى كېلىپ، ئۇلارنى يوقاتماقچى بولغانلىقىدىن قورقتۇم. لېكىن پەرۋەردىگار يەنە بىر قېتىم مېنىڭ ئۆتۈنۈشۈمنى ئاڭلىدى. پەرۋەردىگار ھارۇنغا شۇنچىلىك غەزەپلەندىكى، ھەتتا ئۇنىڭ جېنىنى ئالماقچى بولدى. مەن يەنىلا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆتۈندۈم. سىلەر موزاي بۇت ياساپ گۇناھ قىلدىڭلار، شۇڭا مەن ئۇنى كۆيدۈرۈۋەتتىم. ئاندىن ئۇنى كۇكۇم-تالقان قىلىپ، تاغدىن ئېقىپ چۈشكەن ئېرىققا چېچىۋەتتىم. خەلقىمىز تابئېرا، ماسساھ ۋە قىبروت-ھاتتائاۋادىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى. پەرۋەردىگار خەلقنى كادېش-بارنېيادىن ئايرىلىپ، ئۇلارغا ئاتا قىلغان زېمىننى ئىگىلەشكە ئەمر قىلغاندا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى رەت قىلىپ، پەرۋەردىگارغا ئىشەنمىدى ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمىدى. مەن سىلەرنى تونۇغاندىن بېرى، سىلەرمۇ داۋاملىق پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ كەلدىڭلار. پەرۋەردىگار سىلەرنى ھالاك قىلىمەن دېگەچكە، مەن ئۇنىڭ ئالدىدا قىرىق كېچە-كۈندۈز ئۆزۈمنى يەرگە تاشلاپ، ئۇنىڭدىن ئۆتۈندۈم: «ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، ئۆز خەلقىڭنى ھالاك قىلمىغىن! ئۇلار سېنىڭ مۈلكۈڭدۈر، سەن ئۇلارنى ئۇلۇغلۇقۇڭ بىلەن قۇتقۇزدۇڭ، قۇدرەتلىك قولۇڭ بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىقتىڭ. سېنىڭ خىزمەتكارلىرىڭ بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپنى ياد ئېيتىپ، بۇ خەلقنىڭ جاھىللىقى، رەزىللىكى ۋە گۇناھلىرىغا نەزەر سالمىغىن. مىسىرلىقلار: ‹ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئۇلارنى ۋەدە قىلغان زېمىنىغا ئېلىپ بارالماپتۇ. ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئۇلارنى ئۆچ كۆرگەچكە، ئۇلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن چۆلگە ئېلىپ بېرىپتۇ!› دېمىسۇن. ئۇلار نېمىلا بولسۇن، سېنىڭ خەلقىڭ، سېنىڭ مۈلكۈڭ، ئۇلارنى يۈكسەك كۈچ-قۇدرىتىڭ ۋە ھەممىگە قادىر قولۇڭ بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىقتىڭ.» _ ئەينى چاغدا پەرۋەردىگار ماڭا: «ئىككى پارچە تاش تاختا تەييارلىغىن، ئۇلار ئالدىنقىسى بىلەن ئوخشاش بولسۇن. بىر ياغاچ ساندۇق ياسىغىن، ئاندىن تاغقا چىقىپ، مېنىڭ يېنىمغا كەلگىن. سەن چېقىۋەتكەن ھېلىقى تاش تاختىدىكى سۆزلەرنى شۇ ئىككى تاش تاختىغا قايتىدىن يازاي. سەن ئۇلارنى ياغاچ ساندۇقتا ساقلىغىن.» دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بىر ساندۇق ياسىدىم ھەم ئالدىنقىسىغا ئوخشاش قىلىپ ئىككى پارچە تاش تاختا تەييارلاپ، تاغقا ئېلىپ چىقتىم. ئىلگىرى خەلقىمىز تاغ ئېتىكىدە جەم بولغاندا، پەرۋەردىگار ئوت ئىچىدىن سىلەرگە ئون پەرزنى بەرگەنىدى. ئۇ، بۇ پەرزلەرنى ئىككى پارچە تاش تاختىغا قايتىدىن يېزىپ، ماڭا بەردى. مەن تاغدىن چۈشكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە تاش تاختىلارنى ئۆزۈم ياسىغان ساندۇققا سالدىم. تاش تاختىلار ھازىرمۇ ساندۇقنىڭ ئىچىدە تۇرۇپتۇ. (ئىسرائىل خەلقى يائاقانلارنىڭ قۇدۇقلىرى دېگەن يەردىن يولغا چىقىپ، موسېراغا كەلدى. ھارۇن شۇ يەردە ۋاپات بولدى، ئۇ شۇ يەرگە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئەلئازار ئۇنىڭ ئورنىغا روھانىي بولدى. خەلق ئۇ يەردىن يۈرۈپ، گۇدگوداغا باردى، ئاندىن ئېرىقلاردا سۇلار ئېقىپ تۇرغان يوتباتاغا كەلدى. خەلق تاغدا بولغان ۋاقىتتا پەرۋەردىگار لاۋىيلارنى تاللاپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈشكە ئەمر قىلغانىدى. شۇنىڭدىن بېرى لاۋىيلار پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، ئۇنىڭ نامى بىلەن خەلققە بەخت تىلەپ كەلمەكتە. بۇ قائىدە ھازىرغىچە ئۆزگەرگىنى يوق. شۇڭا ھەرقايسى قەبىلىلەر ئارىسىدا پەقەت لاۋىيلارنىڭ تەقسىملەپ بېرىلگەن زېمىنى يوقتۇر. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۇلارغا ئېيتقىنىدەك، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى ئۇلارنىڭ نېسىۋىسىدۇر.) مەن ئالدىنقىسىغا ئوخشاش، تاغدا قىرىق كېچە-كۈندۈز تۇردۇم. پەرۋەردىگار مېنىڭ ئۆتۈنۈشۈمنى بۇ قېتىممۇ ئاڭلاپ، سىلەرنى ھالاك قىلمايدىغان بولدى. پەرۋەردىگار ماڭا، «ئورنۇڭدىن تۇرغىن! خەلقنى باشلاپ ماڭغىن! مەن ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان زېمىننى ئىگىلەشكە بېرىڭلار» دېدى. ئەي ئىسرائىللار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئەمدى سىلەردىن ئۆزىدىن ئەيمىنىشىڭلارنى، ئۆزىنىڭ يولىدا مېڭىشىڭلارنى، ئۆزىنى سۆيۈشۈڭلارنى، پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىڭلارنى، ئۆزىنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا ئەمەل قىلىشىڭلارنى كۈتىدۇ. سىلەرنىڭ مەنپەئىتىڭلار ئۈچۈن مەن بۈگۈن بۇ ئەمر-پەرمانلارنى سىلەرگە يەتكۈزدۈم. قاراڭلار، ئاسمان-زېمىن، ھەتتا ئەرشئەلادىكى بارلىق مەۋجۇدات پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا مەنسۇپتۇر. لېكىن پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلارغا ئۆزىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان سىلەرنى پۈتكۈل ئەللەر ئىچىدىن تاللىدى. ئەھۋال مانا بۈگۈن سىلەر كۆرۈپ تۇرغاندەكتۇر. شۇڭا قەلبىڭلارنى پاكلاڭلار، بۇنىڭدىن كېيىن جاھىللىق قىلماڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى، رەبلەرنىڭ رەببىدۇر. ئۇ ئۇلۇغ خۇدادۇر، ھەممىگە قادىردۇر ھەم ھەيۋەتلىكتۇر. ئۇ ئايرىمىچىلىق قىلمايدۇ، پارا ئالمايدۇ. پەرۋەردىگار تۇل ئايال، يېتىملەرگە ئادالەتلىكتۇر، ئاراڭلاردا ياشايدىغان يات خەلقلەرگە كۆيۈمچاندۇر، ئۇلارنى يېمەكلىككە، كىيىمگە ئىگە قىلىدۇ. شۇڭا، ئاراڭلاردىكى يات خەلقلەرگە كۆيۈنۈڭلار، چۈنكى سىلەرمۇ مىسىردا مۇساپىر بولۇپ باققان. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن ئەيمىنىڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭغا سادىق بولۇڭلار، پەقەت ئۇنىڭ نامى بىلەنلا قەسەم قىلىڭلار. مەدھىيە پەقەت پەرۋەردىگارغا خاستۇر، ئۇ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلاردۇر. ئۇنىڭ سىلەر ئۈچۈن قىلغان ئۇلۇغ ۋە ئاجايىپ ئىشلىرىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار. بۇرۇن ئەجدادلىرىڭلار مىسىرغا بارغاندا، پەقەت يەتمىش ئادەم ئىدى. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ھازىر سىلەرنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ قىلدى. _ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى سۆيۈڭلار. ئۇنىڭ ئەمر-پەرمانلىرى، قانۇن-تۈزۈملىرىگە ھەر دائىم ئەمەل قىلىڭلار. بۈگۈن شۇ نەرسە ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، پەرۋەردىگارنىڭ تەربىيەسىنى ئالغانلار پەرزەنتىڭلار ئەمەس، بەلكى سىلەردۇرسىلەر. پەرزەنتىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولىنى، مىسىر پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن خەلقىگە قارشى قانداق ئاجايىپ مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسەتكەنلىكىنى، مىسىر قوشۇنلىرىغا، ئاتلىرىغا ۋە جەڭ ھارۋىلىرىغا قانداق قارشى تۇرغانلىقىنى، ئۇلار سىلەرنى قوغلاپ كەلگەندە ئۇلارنى قىزىل دېڭىزغا قانداق غەرق قىلغانلىقىنى كۆرمىگەن. سىلەر چۆللۈكتىن تاكى بۇ يەرگە كەلگۈچە پەرۋەردىگارنىڭ ھالىڭلاردىن قانداق خەۋەر ئالغانلىقىنى ئۇلار بىلمەيدۇ. رۇبېننىڭ ئەۋلادى، ئەلىئابنىڭ ئوغۇللىرى بولغان داتان ۋە ئابىرامنى قانداق جازالىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدا يەر يېرىلىپ، داتان، ئابىرام ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى، چېدىرلىرىنى ھەمدە ئۇلار بىلەن بىرگە ياشاۋاتقانلارنى قانداق يۇتۇپ كەتكەنلىكىنى ئۇلار كۆرمىگەن. لېكىن سىلەر ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ قىلغان بارلىق ئۇلۇغ ئىشلىرىنى كۆرۈپ كەلدىڭلار. شۇڭا سىلەر مەن بۈگۈن سىلەرگە يەتكۈزگەن بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىڭلار. ئۇ سىلەرنى كۈچلۈك قىلىدۇ. سىلەر دەريادىن ئۆتۈپ، ئېرىشمەكچى بولغان زېمىننى ئىگىلەيسىلەر. پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىندا ئۇزاق ياشايسىلەر. سىلەر ئىگىلىمەكچى بولغان ئۇ زېمىن سىلەر ياشىغان مىسىرغا ئوخشىمايدۇ. مىسىردا سىلەر ئۆزۈڭلار ئۇرۇق چېچىپ، ئۆزۈڭلار سۇغىراتتىڭلار. لېكىن سىلەر ئىگىلىمەكچى بولغان ئۇ زېمىندىكى تاغلار ۋە جىلغىلار يامغۇر سۈيى بىلەن سۇغىرىلىدۇ. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا كۆڭۈل بۆلگەن ئۇ زېمىن يىل بېشىدىن تاكى يىل ئاخىرىغىچە پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ نەزىرىدىدۇر. ئەگەر بۈگۈن مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن ئەمرلەرگە چىن قەلبىڭلار بىلەن ئەمەل قىلساڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى سۆيسەڭلار، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن ئۇنىڭغا خىزمەت قىلساڭلار، ئۇ زېمىنىڭلارغا ۋاقتى-ۋاقتىدا كۈز يامغۇرى، باھار يامغۇرى ياغدۇرۇپ، سىلەرنى ئاشلىق، شاراب ۋە زەيتۇن يېغىغا ئىگە قىلىدۇ. چارۋا ماللىرىڭلارنى ئېتىزىڭلاردا ئوت-چۆپلەرگە ئىگە قىلىدۇ. سىلەر يەيسىلەر، توق ياشايسىلەر. ئازدۇرۇلۇپ، خۇدادىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئىلاھلارغا سەجدە قىلىشتىن ئېھتىيات قىلىڭلار، بولمىسا پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى كېلىدۇ. ئۇ ئاسماننى يېپىپ، يامغۇر ياغدۇرمايدۇ، يېرىڭلارنى ھوسۇلسىز قالدۇرىدۇ. سىلەر پەرۋەردىگار ئاتا قىلغان ئاشۇ گۈزەل زېمىندا ھالاك بولىسىلەر. سىلەر بۇ سۆزلىرىمنى قەلبىڭلاردا ساقلاڭلار، ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. بۇلارنى تۈگۈنچەككە تۆگۈپ، نىشانە سۈپىتىدە قولۇڭلارغا باغلىۋېلىڭلار، پېشانەڭلارغا ئېسىۋېلىڭلار، پەرزەنتلىرىڭلارغا ئۆگىتىڭلار. مەيلى ئۆيدە، مەيلى يولدا، مەيلى ياتقاندا، مەيلى تۇرغاندا بولسۇن داۋاملىق ئۇلارغا سۆزلەڭلار. ئىشىكىڭلارنىڭ كېشەكلىرىگە ۋە دەرۋازىلىرىڭلارغا يېزىپ قويۇڭلار. شۇنداق قىلغىنىڭلاردا، سىلەر ۋە پەرزەنتلىرىڭلار پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئەجدادلىرىڭلارغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيسىلەر. ئاسمان زېمىن ئۈستىدە قانچىلىك ئۇزۇن مەۋجۇت بولسا، سىلەرمۇ ئۇ زېمىندا شۇنچىلىك ئۇزۇن ياشايسىلەر. مەن يەتكۈزگەن بارلىق ئەمرلەرگە كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلساڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى سۆيسەڭلار، ئۇنىڭ يولىدا مېڭىپ، سادىق بولساڭلار، ئۇ بارلىق ئەللەرنى سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. سىلەر ئۆزۈڭلاردىن چوڭ ۋە كۈچلۈك ئەللەرنىڭ زېمىنىنى ئىگىلەيسىلەر. سىلەرنىڭ ئايىغىڭلار تەگكەنلا يەر سىلەرگە تەۋە بولىدۇ. چۆللۈكتىن لىۋانغىچە، فىرات دەرياسىدىن ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولغان ھەممە يەرلەر سىلەرنىڭ زېمىنىڭلار بولىدۇ. ھېچكىم سىلەرگە تاقابىل تۇرالمايدۇ. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا دېگىنىنى قىلىدۇ، سىلەر ئاياغ باسقان يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى سىلەردىن قورقۇپ، ۋەھىمىگە چۈشىدۇ. قاراڭلار، مەن بۈگۈن ئالدىڭلارغا بەخت ۋە قارغىشتىن ئىبارەت ئىككى نەرسىنى قويدۇم، ئۆزۈڭلار تاللاپ ئېلىڭلار. ئەگەر سىلەر مەن بۈگۈن يەتكۈزگەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلساڭلار، بەختلىك بولىسىلەر. ئەگەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلماي، ئەكسىچە يولدىن چەتنەپ، ئەزەلدىن نامىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىلاھلارغا چوقۇنىدىغان بولساڭلار، قارغىشقا ئۇچرايسىلەر. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى ئاشۇ زېمىننى ئىگىلىشىڭلار ئۈچۈن باشلاپ كىرگەندە، گىرىزىم تېغىدا تۇرۇپ نېمىنىڭ بەختكە ئېرىشتۇرىدىغانلىقىنى، ئېبال تېغىدا تۇرۇپ نېمىنىڭ قارغىشقا قالدۇرىدىغانلىقىنى جاكارلاڭلار. بۇ ئىككى تاغ ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىگە، يەنى كۈن پېتىش تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، ئىئوردان ۋادىسىدىكى كەنئانلىقلارنىڭ يېرىدىكى گىلگالنىڭ ئۇدۇلىغا توغرا كېلىدۇ. مورەھ دېگەن جايدىكى چوڭ دەرەخلەر بۇ ئىككى تاغقا يېقىندۇر. سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلماقچى بولغان زېمىننى ئىگىلەڭلار. سىلەر ئۇ زېمىنغا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، مەن بۈگۈن سىلەرگە جاكارلىغان بارلىق قانۇن-نىزاملارغا كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار. _ ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىندا ياشىغان ۋاقتىڭلاردا، تۆۋەندىكى قانۇن-نىزاملارغا كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار: سىلەر ئۇ يەردىكى يات ئەللەرنى قوغلىۋەتكەندىن كېيىن، ئاشۇ ئەللەرنىڭ تاغلاردىكى، تۆپىلىكلەردىكى ۋە بۈك-باراقسان دەرەخ ئاستىلىرىدىكى ئىلاھلىرىغا چوقۇنغان بارلىق يەرلىرىنى ۋەيران قىلىڭلار. ئۇلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىنى بۇزۇپ تاشلاڭلار. ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى كۆيدۈرۈپ، باشقا ئىلاھلىرىنىڭ ئويما بۇتلىرىنى چېقىپ، نامىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىڭلار. سىلەر ئۇلارنىڭ ئادىتى بىلەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىبادەت قىلساڭلار بولمايدۇ. پەرۋەردىگار بارلىق ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنلىرى ئىچىدىن ئىبادەت قىلىدىغان بىر جاينى بەلگىلەپ بېرىدۇ. سىلەر پەقەت شۇ جايغىلا بېرىڭلار. سىلەر كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭلارنى، باشقا قۇربانلىقلارنى، ئوندىن بىر ئۈلۈش ھەدىيەڭلارنى، شەخسىي ھەدىيەڭلارنى، بەرگەن قەسىمىڭلارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ياكى خالىس سۇنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭلارنى، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ تۇنجى بالىسىنى ئۇ يەرگە ئاپىرىڭلار. سىلەر ئائىلەڭلار بىلەن بىرگە ئىبادەت قىلىدىغان يەرگە بېرىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا يەڭلار، قىلغان بارلىق ئىشىڭلاردىن شادلىنىڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرگە بەخت ئاتا قىلغاندۇر. لېكىن سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئاتا قىلغان زېمىندا ئولتۇراقلىشىسىلەر. پەرۋەردىگار چېگرايىڭلارنى ئامان قىلىپ، سىلەرنى خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈرىدۇ. ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، مەن سىلەرگە سۇنۇشقا بۇيرۇغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭلارنى، باشقا قۇربانلىقلارنى، ئوندىن بىر ئۈلۈش ھەدىيەڭلارنى، باشقا شەخسىي ھەدىيەڭلارنى ۋە سۇنۇشقا قەسەم قىلغان ئېسىل ھەدىيەڭلارنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا «||خەلقىم بۇ يەردە ماڭا ئىبادەت قىلسۇن | نامىم بۇ يەردە ئۇلۇغلانسۇن||» دەپ بەلگىلەپ بەرگەن يەردە سۇنۇڭلار. سىلەر، ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، قۇل، دېدەكلىرىڭلار ۋە يۇرتۇڭلاردا ياشايدىغان لاۋىيلار بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا شادلىنىڭلار. لاۋىي قەبىلىسىنىڭ زېمىنى يوقلۇقى ئېسىڭلاردا بولسۇن. سىلەر خالىغان يەردە پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنماڭلار. پەرۋەردىگار قەبىلىلىرىڭلارنىڭ بىرسىنىڭ زېمىنىدىن ئىبادەت قىلىدىغان بىر جاينى بەلگىلەپ بېرىدۇ. سىلەر پەقەت شۇ يەردىلا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭلارنى مېنىڭ بۇيرۇغىنىمدەك سۇنۇڭلار. يۇرتۇڭلاردا خالىغان ۋاقىتتا مال سويۇپ يېسەڭلار بولىدۇ. پەرۋەردىگار خۇدا سىلەرگە بەرگەن بۇ بەختتىن ھۇزۇرلىنىڭلار. بۇ ماللارنىڭ گۆشىنى پاكلارمۇ، ناپاكلارمۇ خۇددى سىلەر جەرەن ۋە بۇغا گۆشلىرىنى يېگىنىڭلاردەك، يېسە بولىدۇ. لېكىن قاننى يېمەڭلار، قاننى خۇددى سۇ تۆككەندەك يەرگە تۆكۈۋېتىڭلار. ئەمما ئاشلىق، شاراب، زەيتۇن يېغىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ تۇنجى بالىسىنى، بەرگەن قەسىمىڭلارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ياكى خالىس سۇنىدىغان ھەدىيەلىرىڭلارنى ۋە باشقا شەخسىي ھەدىيەلىرىڭلارنى يۇرتۇڭلاردا يېسەڭلار بولمايدۇ. پەقەت پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بەلگىلەپ بەرگەن جايدىلا ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، قۇللىرىڭلار، دېدەكلىرىڭلار ۋە يۇرتۇڭلاردا ياشايدىغان لاۋىيلار بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا يېسەڭلار بولىدۇ. ئۇ يەردە قىلغان بارلىق ئىشىڭلاردىن شادلىنىڭلار. ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، سىلەر مۇشۇ زېمىندا ياشىساڭلارلا لاۋىيلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۆزىنىڭ بەرگەن ۋەدىسى بويىچە زېمىنىڭلارنى كېڭەيتكەندىن كېيىن، گۆش يېگۈڭلار كەلسە، خالىغىنىڭلارچە يېسەڭلار بولىدۇ. ئەگەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بەلگىلەپ بەرگەن ئىبادەت قىلىدىغان جاي سىلەردىن بەك يىراقتا بولسا، ئۆزۈڭلارنىڭ يۇرتلىرىدا مېنىڭ بۇيرۇغىنىم بويىچە پەرۋەردىگار سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋا مېلىڭلارنى خالىغىنىڭلارچە سويۇپ يېسەڭلار بولىدۇ. خۇددى ھازىر پاكلارمۇ، ناپاكلارمۇ جەرەن ۋە بۇغىنىڭ گۆشىنى يېگىنىگە ئوخشاش، ئۇ گۆشلەرنىمۇ يېسە بولىدۇ. لېكىن قاننى يېمەڭلار. چۈنكى ھاياتلىق قاندىدۇر. ھاياتلىقنى گۆش بىلەن بىرگە يېسەڭلار بولمايدۇ. قاننى يېمەڭلار، ئۇنى خۇددى سۇ تۆككەندەك يەرگە تۆكۈۋېتىڭلار. قاننى يېمەڭلار، شۇنداق قىلساڭلار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدىكى دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلغان بولىسىلەر. ئۆزۈڭلارنىڭ ۋە پەرزەنتلىرىڭلارنىڭ ئىشلىرىمۇ ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ھەدىيەلەر ۋە بەرگەن قەسىمىڭلارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ھەدىيەلەرنى پەرۋەردىگار بەلگىلەپ بەرگەن جايغا ئاپىرىڭلار. ئۇلارنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىڭلار. ھەتتا گۆش ۋە قانلىرىنىمۇ سۇنۇڭلار. قۇربانلىقلارنىڭ قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆكۈڭلار، لېكىن قۇربانلىقلارنىڭ گۆشىنى يېسەڭلار بولىدۇ. مېنىڭ دېگەنلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئىجرا قىلساڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ ۋە پەرزەنتلىرىڭلارنىڭ ئىشلىرىمۇ مەڭگۈ ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدىكى ياخشى ۋە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدىڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەر زېمىنىدىن قوغلاپ چىقارغان يات خەلقلەرنى كۆز ئالدىڭلاردا يوقىتىدۇ. سىلەر ئۇلارنىڭ زېمىنىدا ئولتۇراقلىشىڭلار. ئۇ چاغدا ئېھتىياتچان بولۇڭلار! يات ئەللەرنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ئالدىنىپ، تۇزاققا چۈشمەڭلار. ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى ھەققىدىكى ئىشلارنى سۈرۈشتۈرۈپ: «بۇ ئەللەر ئۆز ئىلاھلىرىغا قانداق چوقۇنىدىغاندۇ؟ مەنمۇ دوراپ باقسام» دېمەڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئۇلارنىڭ ئادەتلىرى بىلەن ئىبادەت قىلماڭلار. چۈنكى ئۇلار چوقۇنغاندا پەرۋەردىگار نەپرەتلىنىدىغان ھەر خىل يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىدۇ. ئۇلار ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىنى كۆيدۈرۈپ، ئىلاھلىرىغا سۇنىدۇ. مەن يەتكۈزگەن بۇ بارلىق ئەمرلەرگە كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار. ئۇلارغا بىر نەرسە قوشماڭلار ياكى چىقىرىۋەتمەڭلار. _ ئۆزىنى پەيغەمبەر دەۋالغان بىرى ياكى چۈشكە تەبىر بەرگۈچى ئاراڭلاردا پەيدا بولۇپ، سىلەرگە كارامەت ۋە مۆجىزە كۆرسىتىمەن دېسە ۋە ئۇنىڭ ئېيتقانلىرى ئەمەلگە ئاشسا، كېيىن ئۇ «بىز باشقا ئىلاھلارنى ئىزدەيلى، ئۇلارغا چوقۇنايلى» دەپ، سىلەرنى ئەزەلدىن نامىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىلاھلارغا ئېزىقتۇرسا، ئۇ ساختا پەيغەمبەر ياكى چۈشكە تەبىر بەرگۈچىنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار! چۈنكى بۇ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سىلەرنى سىنىغىنىدۇر. ئۇ سىلەرنىڭ ئۆزىنى پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن سۆيىدىغان ياكى سۆيمەيدىغانلىقىڭلارنى بىلىپ باقماقچى بولغانلىقىدۇر. پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئەگىشىڭلار، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىڭلار، ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار، ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىڭلار ۋە سادىق بولۇڭلار. ئاراڭلاردا پەيدا بولۇپ قالغان ئاشۇ ساختا پەيغەمبەر ياكى چۈشكە تەبىر بەرگۈچىنى چوقۇم ئۆلتۈرۈڭلار. چۈنكى ئۇلار سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرغان پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاسىيلىق قىلدۇرىدۇ. ئۇلار سىلەرنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئاراڭلاردىكى رەزىللىكنى يوقىتىڭلار. ئەگەر سىلەرنى قېرىندىشىڭلار، ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، سۆيۈملۈك ئاياللىرىڭلار ياكى ئەڭ يېقىن دوستۇڭلار سىلەرمۇ ۋە ئەجدادلىرىڭلارمۇ نامىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ئىلاھلارغا يوشۇرۇنچە قىزىقتۇرۇپ: «بىز باشقا ئىلاھلارنى ئىزدەيلى، ئۇلارغا چوقۇنايلى» دېسە، ئۇلار قىزىقتۇرغان ئۇ ئىلاھلار مەيلى يېقىن ئەتراپتىكى ياكى يىراق جايدىكى يات ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرى بولسۇن، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار ۋە ئىشەنمەڭلار. ئۇلارغا رەھىم قىلماڭلار، ئىچ ئاغرىتماڭلار ۋە ئۇلارنى قوغدىماڭلار. ئۇلارنى چوقۇم ئۆلتۈرۈڭلار. ئۇلارغا ئالدى بىلەن ئۆزۈڭلار قول سېلىڭلار، ئاندىن جامائەت بىلەن بىرلىكتە ئۆلتۈرۈڭلار. ئۇلارنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈڭلار. چۈنكى ئۇلار سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرغان پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن يۈز ئۆرۈشكە ئۈندىدى. ئۇلارنى ئۆلتۈرسەڭلار، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئاڭلاپ قورقىدۇ. ئاراڭلاردىن ھېچكىم يەنە مۇشۇنداق رەزىل ئىشلارنى قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. ھەقىقىي ئەھۋالنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ كۆرۈڭلار. ئەگەر ئاراڭلاردا ھەقىقەتەن مۇشۇنداق يىرگىنچلىك ئىش يۈز بەرگەن بولسا، ئاشۇ شەھەردىكى ئاھالىلەرنى ۋە چارۋا ماللارنى قىلىچ بىلەن تەلتۆكۈس يوقىتىڭلار. شەھەردىكى مال-مۈلۈكلەرنى شەھەر ئوتتۇرىسىغا توپلاپ، ئۇلارنى ۋە پۈتۈن شەھەرنى كۆيدۈرۈپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنۇڭلار. شەھەر مەڭگۈلۈك خارابىلىككە ئايلاندۇرۇلسۇن، قايتا بىنا قىلىنمىسۇن. يوقىتىشقا تېگىشلىك ھېچقانداق بىر نەرسىنى ساقلاپ قالماڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگار ئۆز غەزىپىدىن يېنىپ، سىلەرگە رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئەجدادلىرىڭلارغا بەرگەن ۋەدىسى بويىچە سىلەرنى كۆپەيتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىتائەت قىلىپ، مەن بۈگۈن سىلەرگە يەتكۈزگەن ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىپ، ئۇنىڭ نەزىرىدىكى دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلىڭلار. _ سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىدۇرسىلەر، شۇڭا ئۆلگەنلەرگە ماتەم تۇتقىنىڭلاردا تېنىڭلارنى تىلماڭلار ياكى چېچىڭلارنىڭ ئالدىنى چۈشۈرمەڭلار. سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتالغان خەلقدۇرسىلەر. ئۇ سىلەرنى يەر يۈزىدىكى بارلىق خەلقلەر ئارىسىدىن تاللاپ، ئۆزىنىڭ قىممەتلىك خەلقى قىلدى. خۇدا مەنئى قىلغان ھەرقانداق نەرسىلەرنى يېمەڭلار. كالا، قوي، ئۆچكە، بۇغا، جەرەن، كېيىك، تاغ ئۆچكىسى، بۆكەن ۋە ئارقارنى يېسەڭلار بولىدۇ. تۇيىقى ئاچىماق ھەم كۆشەيدىغان ھەرقانداق ھايۋانلارنى يېسەڭلار بولىدۇ. كۆشەيدىغان ياكى تۇيىقى ئاچىماق ھايۋانلاردىن تۆگە، توشقان ۋە سۇغۇرنى يېمەڭلار. چۈنكى ئۇلار كۆشىسىمۇ، لېكىن تۇيىقى ئاچىماق بولمىغاچقا، سىلەر ئۈچۈن ھارامدۇر. چوشقىمۇ سىلەر ئۈچۈن ھارامدۇر، چۈنكى تۇيىقى ئاچىماق بولسىمۇ، ئۇ كۆشىمەستۇر. ئۇنىڭ گۆشىنى يېسەڭلارمۇ، ئۆلۈكىنى تۇتساڭلارمۇ بولمايدۇ. سۇدا ياشايدىغان قاناتلىق ۋە قاسراقلىق جانلىقلارنى يېسەڭلار بولىدۇ. سۇدا ياشايدىغان قاناتسىز ۋە قاسراقسىز جانلىقلار سىلەر ئۈچۈن ھارامدۇر، يېسەڭلار بولمايدۇ. ھالال قۇشلارنى يېسەڭلار بولىدۇ. يېگىلى بولمايدىغان ھارام قۇشلار: بۈركۈت، بارلىق تاپ قۇشلىرى، ھەر خىل سار ۋە لاچىن، قاغا-قۇزغۇنلار، لەيلەك، قوتان تىپىدىكى قۇشلار، ھۆپۈپ ۋە شەپەرەڭ. قاناتلىق، توپلىشىپ ئۇچىدىغان ھاشارەتلەر سىلەر ئۈچۈن ھارامدۇر، يېسەڭلار بولمايدۇ. لېكىن بارلىق قاناتلىق ھالال جانلىقلارنى يېسەڭلار بولىدۇ. ئۆلۈك ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېمەڭلار، لېكىن ئۇنى شەھەردە سىلەر بىلەن بىرگە ياشايدىغان يات خەلقلەرگە بەرسەڭلار ياكى ساتساڭلار بولىدۇ. چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا مەنسۇپ، پاك خەلقسىلەر. ئوغلاقنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە پىشۇرماڭلار. _ ھەر يىلى ھوسۇلۇڭلارنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا خەلقىم بۇ يەردە ماڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپ، تاللىغان جايدا تەقدىم قىلىڭلار. تەقدىم قىلىنغان ئوندىن بىر ئۈلۈش ئاشلىق، شاراب، زەيتۇن يېغى، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ تۇنجى تۇغۇلغانلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا يەڭلار، ئىچىڭلار. شۇنداق قىلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن بىر ئۆمۈر ئەيمىنىشنى ئۆگىنىسىلەر. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە بەخت ئاتا قىلسا، لېكىن سىلەر تۇرىدىغان يەر بەلگىلەنگەن ئىبادەت قىلىش ئورنىدىن يىراق بولۇپ، مال-مۈلكۈڭلارنىڭ ئوندىن بىرىنى ئاپىرىپ بېرەلمىسەڭلار، ئۇنى كۈمۈشكە ئايلاندۇرۇپ، بەلگىلەنگەن ئىبادەت قىلىش ئورنىغا ئېلىپ بېرىڭلار. سىلەر شۇ يەردە كالا، قوي، مەي ۋە شارابلارنى خالىغانچە سېتىۋېلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا بىر ئائىلە كىشىلىرى بىرلىكتە يەڭلار، ئىچىڭلار، شادلىنىڭلار. لېكىن يۇرتۇڭلاردىكى لاۋىيلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار، چۈنكى ئۇلارغا يەر تەقسىم قىلىنمىغاندۇر. ھەر ئۈچىنچى يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئالغان بارلىق ھوسۇلۇڭلارنىڭ ئوندىن بىرىنى ئايرىپ، شەھەردە ساقلاڭلار. ئۇنى يۇرتۇڭلاردىكى يات خەلقلەر، يېتىم بالىلار، تۇل ئاياللار ۋە يەر تەقسىم قىلىنمىغان لاۋىيلارغا بېرىڭلار، ئۇلار يەپ تويسۇن. شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئىشىڭلارنى راۋان قىلىپ، بەختكە ئېرىشتۈرىدۇ. _ ھەر يەتتىنچى يىلىنىڭ ئاخىرىدا قەرزدارلارنىڭ قەرزىنى كەچۈرۈم قىلىڭلار. ئۇنىڭ قائىدىسى مۇنداق بولسۇن: بارلىق قەرز ئىگىلىرى قېرىندىشىڭلار بولغان ئىسرائىللارنىڭ ئۈستىدىكى قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىۋېتىڭلار. ئۇلاردىن قەرز سۈيلىمەڭلار، چۈنكى قەرزنى كەچۈرۈم قىلىشنى پەرۋەردىگار ئەمر قىلغاندۇر. يات خەلقلەردىن قەرز سۈيلىسەڭلار بولىدۇ، لېكىن ئىسرائىللاردىن بولغان قېرىندىشىڭلارنىڭ قانداق قەرزى بولسۇن ھەممىسىنى كەچۈرۈم قىلىڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۆزىنىڭ بەرگەن ۋەدىسى بويىچە سىلەرنى بەختكە ئېرىشتۈرىدۇ. سىلەر باشقا خەلقلەرگە قەرز بېرىسىلەر، لېكىن ئۇلاردىن قەرز ئالمايسىلەر. نۇرغۇن ئەللەرنى باشقۇرىسىلەر، ئۇلار سىلەرنى باشقۇرمايدۇ. سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان ئاشۇ زېمىنغا كىرگەندىن كېيىن يۇرتۇڭلاردا ئىسرائىللاردىن بولغان نامرات قېرىندىشىڭلار بولسا، ئۇلارغا يۈرىكىڭلارنى قاتتىق قىلماڭلار، ياردەم قىلىشنى رەت قىلماڭلار. ئەكسىچە، ئۇلارغا سېخىيلىق قىلىڭلار، ئۇلارغا قانچىلىك كېرەك بولسا، شۇنچىلىك قەرز بېرىڭلار. ئېھتىياتچان بولۇڭلاركى، قەرز كەچۈرۈم قىلىنىدىغان يەتتىنچى يىلنىڭ ئاخىرى كېلىشى بىلەن نىيىتىڭلار بۇزۇلمىسۇن! ئىسرائىللاردىن بولغان نامرات قېرىندىشىڭلارغا سوغۇق نەزەردە قارىماڭلار، ياردەم قولۇڭلارنى سۇنۇڭلار. بولمىسا ئۇلار پەرۋەردىگارغا نالە قىلىدۇ، سىلەر گۇناھكار بولىسىلەر. سېخىي بولۇڭلار، بەرگىنىڭلاردىن پۇشايمان قىلماڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنىڭ قىلغان بارلىق ئىشىڭلارغا بەرىكەت بېرىدۇ. زېمىنىڭلاردا ھامىنى نامراتلار بولىدۇ، شۇڭا سىلەرنىڭ ئىسرائىللاردىن بولغان موھتاج، نامرات قېرىندىشىڭلارغا سېخىيلىق بىلەن ياردەم قىلىشىڭلارنى بۇيرۇيمەن. ئەگەر ئىسرائىللاردىن بولغان ئەر-ئايال قېرىندىشىڭلار سىلەرگە قۇللۇققا سېتىلسا، ئالتە يىل خىزمىتىڭلارنى قىلسۇن، يەتتىنچى يىلى ئۇلارنى ئازاد قىلىڭلار. ئۇلارنى قۇرۇق قول قايتۇرماڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە سېخىيلىق بىلەن ئاتا قىلغان قوي، ئاشلىق ۋە شارابتىن ئۇلارغىمۇ سېخىيلىق بىلەن ھەدىيە قىلىڭلار. ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، سىلەر مىسىردا قۇللۇقتا ياشاۋاتقاندا، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى قۇتقۇزدى. شۇڭا مەن بۈگۈن سىلەرگە مۇشۇنداق قىلىشنى بۇيرۇيمەن. لېكىن قۇللىرىڭلار سىلەرنى ۋە ئائىلەڭلارنى ياخشى كۆرگەنلىكى، سىلەر بىلەن ئىناق ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن سىلەردىن ئايرىلىشنى خالىمىسا، ئۇلار ئىشىككە يۆلەنسۇن، سىلەر بىگىز بىلەن ئۇلارنىڭ قۇلىقىغا بىر تۆشۈك تېشىڭلار. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك قۇلۇڭلار بولىدۇ. دېدەكلەرنىمۇ شۇنداق قىلىڭلار. قۇللىرىڭلارنى ئازاد قىلىدىغان ۋاقتىڭلاردا ئەپسۇسلانماڭلار، چۈنكى ئۇلار سىلەرگە ئالتە يىل خىزمەت قىلدى. ئادەتتە قۇلنىڭ قىلىدىغان خىزمىتى مەدىكارنىڭ قىلىدىغان خىزمىتىدىن بىر ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنىڭ قىلغان بارلىق ئەجىرلىرىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى بەختكە ئېرىشتۈرىدۇ. پادىلىرىڭلارنىڭ ئارىسىدىكى كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ تۇنجى تۇغۇلغانلىرىنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتاڭلار. ئەركەك كالىلارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغانلىرى بىلەن يەر ھەيدىمەڭلار ھەم قوچقارلارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغانلىرىنى قىرقىماڭلار. ھەر يىلى سىلەر پۈتۈن ئائىلەڭلار بىلەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بەلگىلەپ بەرگەن ئىبادەت قىلىش جايىغا بېرىپ، ئاشۇ كالا، قويلارنىڭ گۆشىنى يەڭلار. ئەگەر بۇ ماللار ئاقساق-چولاق، قارىغۇ ياكى باشقا نۇقسانلىرى بولسا، پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلماڭلار، يۇرتۇڭلاردا يەڭلار. بۇلارنى خۇددى جەرەن ۋە بۇغا يېگەنگە ئوخشاش پاك كىشىلەرمۇ، ناپاك كىشىلەرمۇ يېسە بولىدۇ. لېكىن قېنىنى يېمەڭلار، قېنىنى خۇددى سۇ تۆككەندەك يەرگە تۆكۈۋېتىڭلار. _ ئابىب ئېيىدا، يەنى زىرائەتلەر بىخ چىقارغان باش باھاردا پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتاپ، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈڭلار. چۈنكى ئاشۇ ئاينىڭ بىر كېچىسى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا خەلق ماڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپ، بەلگىلەپ بەرگەن ئىبادەت قىلىش جايىدا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىقى بولغان كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنى پەرۋەردىگارغا سۇنۇڭلار. قۇربانلىق گۆشنى خېمىرتۇرۇچ سېلىنغان نان بىلەن يېمەڭلار. يەتتە كۈن پېتىر نان، يەنى «كۈلپەت نېنى»نى يەڭلار. سىلەر ئەينى چاغدا مىسىردىن تېز چىقىپ كەتكەنىدىڭلار. شۇڭا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا پېتىر نان يېسەڭلار، مىسىردىن چىققان ئاشۇ كۈننى ئۆمۈرۋايەت ئەسلەپ تۇرىسىلەر. ئاشۇ يەتتە كۈن ئىچىدە زېمىنىڭلاردا خېمىرتۇرۇچ بولمىسۇن. بىرىنچى كۈنىدىكى قۇربانلىق گۆشى ئەتىسى سەھەرگە قالمىسۇن. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان خالىغان بىر يۇرتتا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىقىنى قىلساڭلار بولمايدۇ. پەقەت پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا خەلقىم بۇ يەردە ماڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپ، تاللىغان ئىبادەت قىلىش ئورنىدىلا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىقىنى قىلساڭلار بولىدۇ. سىلەر ئەينى چاغدا گۇگۇم چۈشكەندىن كېيىن مىسىردىن ئايرىلغانىدىڭلار. شۇڭا سىلەر ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىقىنى گۇگۇم چۈشكەندىن كېيىن قىلىڭلار. سىلەر قۇربانلىقنىڭ گۆشلىرىنى بەلگىلەپ بېرىلگەن ئىبادەت قىلىش جايىدا پىشۇرۇپ يەڭلار. ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە چېدىرىڭلارغا قايتىڭلار. كېيىنكى ئالتە كۈن ئىچىدە پەقەت پېتىر نان يەڭلار. يەتتىنچى كۈنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا بېغىشلاپ، مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار. ئۇ كۈنى ئىش قىلماڭلار. _ ھوسۇل يىغقان بىرىنچى كۈندىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، يەتتە ھەپتىدىن كېيىن پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتاپ ئورما ھېيتىنى ئۆتكۈزۈڭلار. ئۇنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان رىزقىڭلارغا يارىشا خالىس ھەدىيەلەرنى سۇنۇڭلار. ئۇ كۈنى ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، قۇللىرىڭلار، دېدەكلىرىڭلار، يۇرتۇڭلاردىكى لاۋىيلار، يات خەلقلەر، يېتىملەر ۋە تۇل ئاياللار بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا خەلقىم بۇ يەردە ماڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپ، تاللىغان ئىبادەت قىلىش جايىدا، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا شادلىنىڭلار. مىسىردىكى قۇل بولغان چاغلىرىڭلارنى ئۇنتۇماڭلار، ھەر دائىم بۇ نىزاملارغا قەتئىي ئەمەل قىلىڭلار. _ ھوسۇلۇڭلار خامانلاردىن يىغىلىپ، ئۈزۈمۈڭلاردىن شەربەتلىرىڭلار چىقىرىلىپ بولغاندىن كېيىن، يەتتە كۈن كەپە تىكىش ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار. كەپە تىكىش ھېيتىدا ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، قۇللىرىڭلار، دېدەكلىرىڭلار، يۇرتۇڭلاردىكى لاۋىيلار، يات خەلقلەر، يېتىملەر ۋە تۇل ئاياللار بىلەن بىرلىكتە شادلىنىڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بەلگىلەپ بەرگەن ئىبادەت قىلىش جايدا يەتتە كۈننى كەپىدە ئۆتكۈزۈڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە بەرىكەت ئاتا قىلىدۇ. ھوسۇلۇڭلارنى مول، ھەممە ئىشلىرىڭلارنى ئوڭۇشلۇق قىلىپ، سىلەرنى خۇشال قىلىدۇ. بارلىق ئەرلەر ھەر يىلى ئۈچ قېتىم، يەنى پېتىر نان ھېيتى، ئورما ھېيتى، كەپە تىكىش ھېيتىدا پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بەلگىلەپ بەرگەن ئىبادەت قىلىش ئورنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرسۇن. ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا قۇرۇق قول بارمىسۇن. ھەركىم پەرۋەردىگار خۇدا ئاتا قىلغان رىزقىغا يارىشا ھەدىيە ئاپارسۇن. _ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە قەبىلىلەر بويىچە تەقسىم قىلغان ھەرقايسى شەھەرلەردە سوتچى ۋە باشقا ئەمەلدارلارنى تەيىنلەڭلار. ئۇلار ئادالەت بىلەن ئىش قىلسۇن. يۈز ئاياپ قانۇننى بۇزمىسۇن، يان باسمىسۇن، پارا ئالمىسۇن. چۈنكى پارا دانالارنىڭ ئەقىل كۆزىنى خىرەلەشتۈرۈپ، ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىدۇ. ھايات قېلىش ۋە پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ئۈچۈن ئادالەتنى ئىزدەڭلار. _ كېيىن سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۈچۈن قۇربانلىق سۇپىسىنى ياسىغاندا، ئۇنىڭ يېنىغا ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتىنى ۋە بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلەرنىمۇ تىكلىمەڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بۇلارنى ئۆچ كۆرىدۇ. _ مېيىپ ۋە بېجىرىم بولمىغان قوي، كالىلارنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلماڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ بۇنداق قىلىشىڭلار پەرۋەردىگارنى يىرگەندۈرىدۇ. ئەگەر ئاراڭلاردىن بىرەر ئەر ياكى ئايال پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان شەھەرلەرنىڭ بىرىدە پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئۇنىڭ ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلسا، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلماي، باشقا نەرسىلەرنى ئىلاھ بىلىپ، قۇياش، ئاي ياكى يۇلتۇزلارغا چوقۇنۇپ، سەجدە قىلسا، سىلەر بۇ ئىشلارنى بىلگەندىن كېيىن، چوقۇم تەپسىلىي تەكشۈرۈڭلار. ئەگەر ئىسرائىل خەلقى ئارىسىدا ھەقىقەتەن بىرسى مۇشۇنداق يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلغان بولسا، ئۇنى شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈڭلار. لېكىن سىلەر بىرلا ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن ئۇ ئادەمنى ئۆلتۈرمەڭلار. ئىككى ياكى ئۈچ ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى بولسا، ئاندىن ئۇ ئادەمنى ئۆلتۈرسەڭلار بولىدۇ. گۇۋاھچىلار ئالدى بىلەن تاش ئاتسۇن، ئاندىن باشقىلار ئاتسۇن. شۇنداق قىلىپ ئاراڭلاردىكى رەزىللىكنى يوقىتىڭلار. _ ئەگەر ئادەم ئۆلتۈرۈش، ئادەم يارىلاندۇرۇش ۋە ھەق تەلەپ دەۋاسى قاتارلىق مۇرەككەپ ۋە ھۆكۈم قىلىش قىيىن بولغان دەۋالار بولسا، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بەلگىلەپ بېرىدىغان ئورۇنغا بېرىڭلار. لاۋىيلاردىن بولغان روھانىيلارغا ۋە نۆۋەتچى سوتچىغا تاپشۇرۇپ بېرىڭلار. ئۇلار ھۆكۈم چىقارسۇن. پەرۋەردىگار بەلگىلەپ بەرگەن ئىبادەت قىلىش جايىدا ئۇلار چىقارغان ھۆكۈمنى كۆڭۈل قويۇپ ئىجرا قىلىڭلار. ئۇلارنىڭ بۇيرۇغان سۆزلىرى ۋە كۆرسەتمىلىرى بويىچە ئىش قىلىڭلار، ئۇلارنىڭ ئەمرلىرىگە قەتئىي خىلاپلىق قىلماڭلار. ئەگەر بىر ئادەم تەكەببۇرلىشىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان روھانىي ۋە سوتچىنىڭ ھۆكۈمىگە بويسۇنمىسا، ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار. شۇنداق قىلىپ ئىسرائىل خەلقىدىكى رەزىللىكنى يوقىتىڭلار. پۈتۈن خەلق بۇ ئىشتىن خەۋەردار بولۇپ، قايتا كىبىرلىك قىلىشتىن قورقىدۇ. _ سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىننى ئىگىلەپ، ئۇ يەردە ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن، خۇددى ئەتراپىڭلاردىكى ئەللەرگە ئوخشاش ئۆزىمىزگە پادىشاھ تىكلەيلى دەيسىلەر. سىلەر تىكلەيدىغان پادىشاھ چوقۇم پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان ئىسرائىللاردىن بولسۇن، ياقا يۇرتلۇق بولمىسۇن. پادىشاھىڭلارنىڭ جەڭ ئاتلىرى كۆپ بولمىسۇن، مىسىرغا ئادەم ئەۋەتىپ ئات سېتىۋالمىسۇن. چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ مىسىرغا قايتا بارماسلىقىڭلارنى بۇيرۇغان. پادىشاھنىڭ ئاياللىرى كۆپ بولمىسۇن، بولمىسا پەرۋەردىگارغا بولغان مۇھەببىتى سۇسلاپ كېتىشى مۇمكىن. ئۆزى ئۈچۈن كۆپلەپ ئالتۇن-كۈمۈش توپلىمىسۇن. ئۇ تەختكە چىققاندىن كېيىن، لاۋىيلاردىن بولغان روھانىيلاردا ساقلىنىۋاتقان بۇ قانۇندىن ئۆزى ئۈچۈن بىر نۇسخا كۆچۈرتسۇن. پادىشاھ بۇ قانۇننى ئۆمۈرۋايەت يېنىدىن ئايرىماي ئوقۇسۇن ۋە پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن ئەيمىنىشنى ئۆگەنسۇن. بۇ قانۇندىكى بارلىق سۆزلەر ۋە ئەمرلەرگە ئەمەل قىلسۇن. شۇندىلا ئۇ خەلقىگە تەكەببۇرلۇق قىلمايدۇ ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ. ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئىسرائىلىيەگە ئۇزۇن مەزگىل ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. _ پۈتۈن لاۋىي قەبىلىسىدىكىلەر ۋە ئۇلاردىن بولغان روھانىيلارغا نېسىۋىسى سۈپىتىدە زېمىن تەقسىملەپ بېرىلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ نېسىۋىسى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان تائام ھەدىيەلىرىدۇر. ھەرقايسى قەبىلىلەر ئارىسىدا پەقەت لاۋىيلارنىڭلا زېمىنى يوقتۇر، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارغا ۋەدە قىلغىنىدەك، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى ئۇلارنىڭ نېسىۋىسىدۇر. سىلەر كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنى قۇربانلىق قىلغاندا، ئۇلارنىڭ ئالدى پۇتى، ئېڭەك گۆشى ۋە قارنىنى روھانىيلارغا بېرىڭلار. تۇنجى ھوسۇل، شاراب، زەيتۇن يېغى ۋە تۇنجى قىرقىلغان قوي يۇڭۇڭلاردىن روھانىيلارغا ھەدىيە قىلىڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا لاۋىيلارنى ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئارىسىدىن تاللاپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغانغا تەيىنلىگەندۇر. ئەگەر لاۋىيلار ئىسرائىلىيەدە ئۆزلىرى تۇرىدىغان شەھەرلەردىن ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئايرىلىپ، پەرۋەردىگار بەلگىلەپ بەرگەن ئىبادەت قىلىش ئورنىغا بارسا، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى قىلىۋاتقان باشقا لاۋىيلارغا ئوخشاش، پەرۋەردىگار خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلسا بولىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ مال-مۈلكىنى سېتىپ، پايدىغا ئېرىشىشتىن سىرت، يەنە باشقا روھانىيلارغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ نېسىۋىسى بولغان ھەدىيە ۋە قۇربانلىقلارغا ئېرىشسە بولىدۇ. _ سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىنغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇ يەردىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ يىرگىنچلىك ئادەتلىرىنى دورىماڭلار. ئاراڭلاردا ئوغۇل-قىزىنى كۆيدۈرۈپ قۇربانلىق قىلىدىغانلار، پال سالىدىغانلار، رەمچىلەر، سېھىرگەرلەر، ئەپسۇن ئوقۇيدىغانلار، ئەرۋاھ چاقىرىدىغانلار، جادۇگەرلىك قىلىدىغانلار، ئۆلۈكلەردىن مەدەت تىلەيدىغانلار بولمىسۇن. پەرۋەردىگار بۇنداق ئىش قىلىدىغان ئادەملەردىن يىرگىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بۇ خەلقلەرنى كۆز ئالدىڭلاردا زېمىنلىرىدىن قوغلىۋېتىدۇ. پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا مۇتلەق سادىق بولۇڭلار. _ سىلەر قوغلىۋېتىدىغان ئەللەر رەمچى ۋە پالچىلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلايدۇ، لېكىن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنىڭ ئۇنداق قىلىشىڭلارغا يول قويمايدۇ. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئىسرائىل قېرىنداشلىرىڭلار ئىچىدىن ماڭا ئوخشاش بىر پەيغەمبەرنى تاللايدۇ، سىلەر ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئەمەل قىلىڭلار. بۇنى سىلەر سىناي تېغىدا يىغىلغان ۋاقتىڭلاردا پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن تەلەپ قىلغانىدىڭلار. ئەينى چاغدا سىلەر: «ئەي پەرۋەردىگارىمىز خۇدا، ئەمدى بىزگە ئاۋازىڭنى ئاڭلاتمىغايسەن، بىزگە يەنە ئوت يالقۇنۇڭنى كۆرسەتمىگەيسەن، بولمىسا بىز ئۆلىمىز» دېگەنىدىڭلار. شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېگەنىدى: «ئۇلار توغرا دەيدۇ. مەن ئۇلارنىڭ ئىسرائىل قېرىنداشلىرىدىن ساڭا ئوخشاش بىر پەيغەمبەرنى تاللاپ، سۆزلىرىمنى ئۇنىڭ ئاغزىغا سېلىپ قويىمەن. ئۇ مېنىڭ بارلىق سۆزلىرىمنى ئۇلارغا يەتكۈزىدۇ. ئۇ مېنىڭ نامىمدا سۆز قىلىدۇ. ئەگەر بىرەرسى بۇ سۆزلەرگە ئىتائەت قىلمىسا، ئۇ ئادەمنى ئۆزۈم جازالايمەن. ئەگەر بىرەر پەيغەمبەر مېنىڭ نامىم بىلەن مەن دېمىگەن سۆزلەرنى قىلسا ياكى باشقا ئىلاھلارنىڭ نامىدا سۆزلىسە، ئۇ چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن. بەلكىم سىلەر كۆڭلۈڭلاردا: ‹پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئەمەسلىكىنى قانداق بىلىمىز؟› دەپ ئويلايدىغانسىلەر. ئەگەر بىر پەيغەمبەر مېنىڭ نامىم بىلەن سۆز قىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ سۆزلىرى ئەمەلگە ئاشمىسا، ئۇنىڭ سۆزى مەندىن كەلگەن ئەمەستۇر. ئۇ پەقەت ئۆز خاھىشى بىلەن سۆزلىگەندۇر، سىلەر ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماڭلار.» _ سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىندىكى ئەللەرنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇ يەردىكى شەھەر ۋە ئۆيلەرگە ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن، پاناھلىنىشنىڭ شەرتلىرى مۇنداق بولىدۇ: ئەگەر بىر ئادەم بىخەستەلىك قىلىپ، ئاداۋىتى بولمىغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، پاناھلىنىدىغان شەھەرلەردىن بىرسىگە قېچىپ بېرىپ، پاناھلانسۇن. مەسىلەن، ئىككى ئادەم بىرگە ئورمانغا ياغاچ كەسكىلى بارغاندا، بىرسىنىڭ پالتىسىنىڭ بېشى سېپىدىن چىقىپ كېتىپ، شېرىكىنى ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۆلتۈرۈپ قويغۇچى پاناھلىنىدىغان شەھەرگە قېچىپ بېرىپ، پاناھلانسا بولىدۇ. ناۋادا پاناھلىنىدىغان شەھەردىن پەقەت بىرسى بولۇپ، ئارىلىقى يىراق بولۇپ قالسا، قىساسكار غەزىپىدە ئۇنى قوغلاپ تۇتۇۋېلىپ، ئۆلتۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. ئەسلىدە ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچى ئۆزى بىلەن قىلچە ئاداۋىتى بولمىغان بىر ئادەمنى بىخەستەلىكتىن ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئۆلمەسلىكى كېرەك. شۇڭا مەن سىلەرنىڭ پاناھلىنىشىڭلار ئۈچۈن ئۈچ شەھەرنى بەلگىلىشىڭلارنى بۇيرۇيمەن. پەرۋەردىگار خۇدا سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن زېمىندا بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قېنىنىڭ تۆكۈلۈشىدىن ساقلىنىڭلار. بولمىسا سىلەر گۇناھسىز ئادەمنى ئۆلتۈرگەن جىنايەتكار بولۇپ قالىسىلەر. ئەگەر بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە ئۆچمەنلىك قىلىپ، پايلاپ تۇرۇپ، ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىپ، ئاندىن پاناھلىنىدىغان شەھەرگە قېچىپ بېرىۋالسا، ئەسلىدىكى قاتىل تۇرۇشلۇق شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرى ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىپ، قىساسكارنىڭ قولىغا تاپشۇرسۇن ۋە قاتىل ئۆلتۈرۈلسۇن. قاتىللارغا رەھىم قىلماڭلار، ئىسرائىللار ئارىسىدىن بىگۇناھ ئادەملەرنى ئۆلتۈرىدىغان گۇناھكارلارنى يوقاتقاندىلا، ئاندىن ئىشىڭلار راۋان بولىدۇ. _ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن زېمىندا قوشناڭلارنىڭ پاسىل تېشىنى يۆتكىمەڭلار، چۈنكى ئۇنى ئەجدادلىرىڭلار تىكلىگەندۇر. _ بىر ئادەمنىڭ جىنايەت ياكى گۇناھ سادىر قىلغان-قىلمىغانلىقىغا بىر ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەنلا ھۆكۈم قىلماڭلار. ئىككى ياكى ئۈچ ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن ھۆكۈم قىلىڭلار. ئەگەر بىرسى ساختا گۇۋاھلىق بېرىپ، باشقىلارنى قارىلىسا، قارىلىغۇچىمۇ ۋە قارىلانغۇچىمۇ پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىدىغان جايغا بارسۇن. نۆۋەتچى روھانىيلار ۋە سوتچىلار ھۆكۈم چىقارسۇن. سوتچىلار ۋەقەنى تەپسىلىي تەكشۈرگەندىن كېيىن، گۇۋاھلىق بەرگۈچىنىڭ ساختا گۇۋاھلىق بەرگەنلىكى ئېنىقلانسا، ساختا گۇۋاھچىنىڭ يامان نىيىتىنى ئۆزىگە قايتۇرۇڭلار. شۇنداق قىلىپ ئاراڭلاردىكى رەزىللىكنى يوقىتىڭلار. باشقىلار بۇنى ئاڭلىسا، قورقىدۇ ۋە يەنە مۇشۇنداق رەزىل ئىشلارنى قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. رەزىللەرگە رەھىم قىلماڭلار، جانغا جان، كۆزگە كۆز، چىشقا چىش، قولغا قول، پۇتقا پۇت ئېلىڭلار. _ دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇش قىلغان ۋاقتىڭلاردا، ئاتلار، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە سىلەردىنمۇ كۆپ لەشكەرلەرگە دۇچ كەلسەڭلار، ئۇلاردىن قورقۇپ كەتمەڭلار. چۈنكى سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە يار بولىدۇ. سىلەر ئۇرۇشقا چىقىشتىن ئىلگىرى، روھانىي لەشكەرلەرنىڭ ئالدىغا چىقىپ مۇنداق دېسۇن: «ئەي ئىسرائىللار، قۇلاق سېلىڭلار! بۈگۈن سىلەر دۈشمەن بىلەن ئۇرۇش قىلىسىلەر. يۈرەكسىزلىك قىلماڭلار، قورقماڭلار، ھودۇقماڭلار، ئالاقزادە بولۇپ كەتمەڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە يار بولۇپ، سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ، سىلەرنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرىدۇ.» لەشكەر باشلىرى ئۇلاردىن مۇنداق دەپ سورىسۇن: «ئاراڭلاردا يېڭىدىن ئۆي سالغان، لېكىن ئۇنىڭدا ئولتۇرۇشقا ئۈلگۈرمىگەنلەر بارمۇ؟ ئەگەر بولسا، ئۆيىگە قايتىپ، ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كېتىشتىن ساقلانسۇن. بولمىسا باشقىلار ئۇنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرىدۇ. ئاراڭلاردا ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلغان، لېكىن مېۋىسىدىن تېخى تېتىپ باقمىغانلار بارمۇ؟ بولسا، ئۇمۇ ئۆيىگە قايتىپ، ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كېتىشتىن ساقلانسۇن. بولمىسا، ئۇنىڭ ئۈزۈملىرىدىن باشقىلار بەھرىلىنىدۇ. ئاراڭلاردا توي قىلىشقا پۈتۈشكەن، لېكىن تېخىچە توي قىلمىغانلار بارمۇ؟ بولسا، ئۇمۇ ئۆيىگە قايتىپ، ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كېتىشتىن ساقلانسۇن. بولمىسا، ئۇنىڭ توي قىلىشقا پۈتۈشكەن قىزىنى باشقىلار خوتۇنلۇققا ئالىدۇ.» لەشكەر باشلىرى لەشكەرلەردىن يەنە مۇنداق دەپ سورىسۇن: «ئاراڭلاردا يۈرەكسىزلىك قىلىپ، قورقىدىغانلار بارمۇ؟ بولسا، باشقىلارنىڭ ئىرادىسىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ئۆيىگە قايتسۇن.» لەشكەر باشلىرى لەشكەرلەردىن سوراپ بولغاندىن كېيىن، سەركەردىلەرنى تەيىنلىسۇن. سىلەر بىر شەھەرگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىلگىرى، شەھەر ئاھالىسىنىڭ سۈلھى قىلىشىغا پۇرسەت بېرىڭلار. ئەگەر ئۇلار تەسلىم بولۇپ، شەھەر دەرۋازىلىرىنى ئاچسا، ئۇلارنى ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قۇلدەك ئىشلىتىڭلار. ئەگەر ئۇلار تەسلىم بولۇشقا ئۇنىماي، ئۇرۇش قىلماقچى بولسا، ئۇ شەھەرنى قورشاۋغا ئېلىڭلار. پەرۋەردىگار خۇدا بۇ شەھەرنى سىلەرگە تاپشۇرغان ۋاقتىدا، شەھەردىكى بارلىق ئەرلەرنى قىرىپ تاشلاڭلار. لېكىن شەھەردىكى ئاياللار، بالىلار، چارۋا ماللار ۋە باشقا مال-مۈلۈكلىرىنى ئولجا ئالساڭلار بولىدۇ. دۈشمىنىڭلارنىڭ بۇ نەرسىلىرىدىن بەھرىمەن بولۇڭلار، چۈنكى بۇ نەرسىلەرنى پەرۋەردىگار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغاندۇر. بۇنى پەقەت يىراقتىكى شەھەرلەرگە ئىشلىتىڭلار. يېقىندىكى ئەللەرنىڭ شەھەرلىرى بۇنىڭ سىرتىدىدۇر. لېكىن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا يېقىندىكى ئەللەرنىڭ شەھەرلىرىنى سىلەرنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىشىڭلارغا بەرگەندۇر. سىلەر بۇ شەھەرلەردە بىرەر جاننىمۇ تىرىك قالدۇرماڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئەمر قىلغىنىدەك، خىت، ئامور، كەنئان، پەرىززى، خىۋ، يىبۇس ئەللىرىنى تەلتۆكۈس يوقىتىڭلار. بولمىسا ئۇلار سىلەرنى ئازدۇرۇپ، بۇتقا چوقۇنۇشتەك ھەرخىل يىرگىنچلىك ئادەتلىرىنى ئۆگىتىدۇ. بۇ پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا قارشى ئېغىر گۇناھتۇر. بىر شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇزاققىچە ئالالمىساڭلار، ئۇ يەردىكى مېۋىلىك دەرەخلەرنى كەسمەڭلار، چۈنكى مېۋىسىنى يەيسىلەر. ئېتىزدىكى دەرەخلەر سىلەر قورشاپ ھۇجۇم قىلىدىغانغا ئادەم ئەمەسقۇ!؟ لېكىن شەھەرنى قورشاش ئۈچۈن مېۋىسىز دەرەخلەرنى كەسسەڭلار ۋە ئۇلارنى تاكى شەھەرنى ئالغۇچە ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ. _ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن زېمىندا ئولتۇراقلاشقان ۋاقتىڭلاردا بىر ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۆلۈكىنىڭ دالاغا تاشلىۋېتىلگەنلىكىنى بايقىساڭلار، لېكىن كىمنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكى ئېنىق بولمىسا، شۇ يەردىكى ئاقساقال ۋە سوتچىلىرىڭلار بېرىپ، جەسەتنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەر بىلەن بولغان ئارىلىقىنى ئۆلچەپ باقسۇن. جەسەت بىلەن ئارىلىقى ئەڭ يېقىن ھېسابلانغان شەھەردىكى ئاقساقاللار بويۇنتۇرۇق سېلىنمىغان ياش بىر ئىنەكنى جىلغىدىكى سۇلار ئېقىپ تۇرغان بوز يەرگە ئەكېلىپ، بوينىنى سۇندۇرسۇن. ئۇ يەردە لاۋىيلاردىن بولغان روھانىيلار ئالدىغىراق چىقسۇن، چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا تەرىپىدىن ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا تاللانغاندۇر. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا بەخت تىلەيدۇ، بارلىق تالاش-تارتىشلارنى ۋە زوراۋان قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. ئاشۇ شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرى جىلغىدا بوينى سۇندۇرۇلغان ياش ئىنەكنىڭ ئۈستىدە قولىنى يۇيسۇن. ئاندىن: «بىزنىڭ قولىمىز بۇ ئادەمنى ئۆلتۈرمىدى، كۆزىمىز كىمنىڭ بۇ ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى كۆرمىدى. ئى پەرۋەردىگار، سەن ئۆزۈڭ قۇتقۇزغان ئىسرائىل خەلقىدىن بۇ گۇناھنى ساقىت قىلغايسەن، گۇناھسىز بۇ ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ گۇناھىنى ئۆز خەلقىڭگە ئارتمىغايسەن» دەپ دۇئا قىلسۇن. شۇندىلا قاتىللىق قىلىش گۇناھى خەلقتىن ساقىت قىلىنىدۇ. سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى شۇ بويىچە ئىجرا قىلساڭلار، ئىسرائىل خەلقىگە ئارتىلغان بۇ قاتىللىق گۇناھىدىن ئاقلىنىسىلەر. _ دۈشمىنىڭلار بىلەن ئۇرۇش قىلغان ۋاقتىڭلاردا پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا دۈشمىنىڭلارنى قولۇڭلارغا تاپشۇرۇپ، ئۇلارنى سىلەرگە ئەسىر قىلىپ بەرسە، بەزىلىرىڭلار ئەسىرلەرنىڭ ئارىسىدىكى چىرايلىق قىزلارنى كۆرگەندە، ئۇلارنى ئەمرىڭلارغا ئالغۇڭلار كېلىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا ئۇ قىزنى ئۆيۈڭلارغا ئېلىپ كېتىپ، چېچىنى چۈشۈرۈپ، تىرناقلىرىنى ئېلىپ، ئەسىرلىكتە كىيگەن كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ، ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن بىر ئاي قارىلىق تۇتۇشقا يول قويۇڭلار. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەمرىڭلارغا ئېلىڭلار. ئەگەر كېيىن ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار، ئەركىنلىككە چىقىرىڭلار. ئۇلارنى سېتىشقا، قۇل قىلىشقا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار مەجبۇرىي نىكاھىڭلارغا ئېلىنغاندۇر. _ ئەگەر بىر ئادەمنىڭ ئىككى ئايالى بولۇپ، ھەر ئىككىلا ئايالى ئوغۇل تۇغقان بولسا، لېكىن ئۇ ئادەم بىر ئايالىنى ياخشى كۆرۈپ، يەنە بىر ئايالىنى ياخشى كۆرمىسە، تۇنجى ئوغلى ياخشى كۆرمەيدىغان ئايالىنىڭ بالىسى بولسا، ئۇ ئادەم مۈلۈك تەقسىملەيدىغان چاغدا تۇنجى ئوغلىنىڭ ھوقۇقىنى بىكار قىلىپ، ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان ئايالىنىڭ بالىسىغا ئېلىپ بېرىشىگە بولمايدۇ. ئۇ ئادەم ياخشى كۆرمەيدىغان ئايالىدىن تۇغۇلغان تۇنجى ئوغلىغا ئىككى كىشىلىك مىراس بەرسۇن. چۈنكى تۇنجى ئوغلى ئۇ ئادەمنىڭ قىران ۋاقىتلىرىدا تاپقان بالىسى بولۇپ، تۇنجى ئوغۇللۇق ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولسۇن. _ ئەگەر بىر ئادەمنىڭ ئوغلى جاھىل، ئىتائەتسىز، ئاتا-ئانىسىغا بويسۇنمايدىغان بولۇپ، تەربىيە قىلسىمۇ گەپ ئاڭلىمىسا، ئاتا-ئانىسى ئۇنى تۇتۇپ، شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى ئاقساقاللارنىڭ ئالدىغا ئاپارسۇن ۋە: «بىزنىڭ بۇ ئوغلىمىز جاھىل ۋە ئىتائەتسىزدۇر، گەپ ئاڭلىمايدۇ، ئۇ بىر بەتخەج ھەم شارابخوردۇر» دېسۇن. ئۇنىڭدىن كېيىن شەھەردىكى پۈتۈن ئەرلەر ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ، ئۆلتۈرسۇن. شۇنداق قىلىپ ئاراڭلاردىكى رەزىللىكنى يوقىتىڭلار. پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئىبرەت ئېلىپ قورقىدىغان بولىدۇ. _ ئەگەر بىرسى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، جەسىتى دەرەخكە ئېسىپ قويۇلسا، جەسەت دەرەختە كېچىچە تۇرۇپ قالمىسۇن. ئۇنى چوقۇم شۇ كۈنىلا دەپنە قىلىۋېتىڭلار. دەرەخكە ئېسىلغان ئادەم خۇدانىڭ قارغىشىغا قالغاندۇر. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن بۇ زېمىننى بۇلغىماڭلار. ئەگەر ئىسرائىل قېرىندىشىڭلارنىڭ كالا، قويلىرىنىڭ ئېزىپ قالغانلىقىنى كۆرسەڭلار، كۆرمەسكە سالماي، ئۇلارنى چوقۇم قايتۇرۇپ كېلىپ ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىڭلار. ئەگەر ئىگىسىنىڭ ئۆيى يىراق بولسا، ياكى ئىگىسىنىڭ كىملىكىنى بىلمىسەڭلار، ئۇلارنى ئۆيۈڭلارغا ئەكېتىپ، ئىگىسى ئىزدەپ كەلگەندە تاپشۇرۇپ بېرىڭلار. ئىسرائىل قېرىندىشىڭلار يوقىتىپ قويغان ئېشەك، كىيىم-كېچەك ياكى باشقا نەرسىلەرنى تېپىۋالساڭلار، يۇقىرىقىدەك بىر تەرەپ قىلىڭلار، كۆرمەسكە سالماڭلار. ئىسرائىل قېرىندىشىڭلارنىڭ ئېشىكى ياكى ئۆكۈزىنىڭ يولدا يىقىلىپ قالغانلىقىنى كۆرسەڭلار، كۆرمەسكە سالماي، قېرىندىشىڭلارغا ياردەملىشىپ، ئۇلارنى يۆلىشىپ بېرىڭلار. ئاياللار ئەرلەرنىڭ، ئەرلەر ئاياللارنىڭ كىيىمىنى كىيمىسۇن. چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بۇنداق ئىشتىن يىرگىنىدۇ. ئەگەر يول بويىدا، دەرەخ ئۈستىدە ياكى يەردە ئۇۋىسىدا تۇخۇم ياكى باچكىسىنى بېسىپ ياتقان قۇشنى كۆرسەڭلار، قۇشنى باچكىلىرى بىلەن بىرگە ئېلىپ كەتمەڭلار. ناۋادا ئېلىپ كەتسەڭلار، باچكىسىنى ئېلىپ قېلىپ، قۇشنى قويۇۋېتىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئىشلىرىڭلار راۋان بولۇپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسىلەر. يېڭى ئۆي سالغان ۋاقتىڭلاردا ئۆگزىنىڭ تۆت ئەتراپىغا قىر چىقىرىپ، كىشىلەرنىڭ ئۆگزىدىن يىقىلىپ چۈشۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىڭلار، بولمىسا، قان قەرزگە قالىسىلەر. ئۈزۈمزارلىقىڭلارغا ئۈزۈمدىن باشقا زىرائەتلەرنى تېرىماڭلار. بولمىسا ھەممىسىنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلاشقا توغرا كېلىپ، يېيىش مەنئى قىلىنىدۇ. ئۆكۈز بىلەن ئېشەكنى بىرلىكتە ساپانغا قېتىپ يەر ھەيدىمەڭلار. قوي يۇڭى ۋە كەندىر تالاسى ئارىلاشتۇرۇلۇپ توقۇلغان كىيىملەرنى كىيمەڭلار. كىيىۋالغان تونۇڭلارنىڭ ئېتىكىگە تۆت دانە چۇچا ئېسىۋېلىڭلار. ئەگەر بىرسى ئۆيلىنىپ، توي كېچىسىدىن كېيىن قىزنى ياقتۇرماي، ئۇنىڭغا تۆھمەت قىلىپ: «مەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغاندا، ئۇ قىز چىقمىدى» دەپ ئۇنىڭ نامىنى بۇلغىسا، قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى ئاقساقاللارنىڭ ئالدىغا ئىسپاتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، قىزىنىڭ پاكلىقىنى ئىسپاتلىسۇن. قىزنىڭ ئاتىسى ئاقساقاللارغا: «مەن قىزىمنى بۇ ئادەمگە ياتلىق قىلغانىدىم. ھازىر بۇ ئادەم قىزىمنى ياقتۇرماي، ‹مەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغاندا ئۇ قىز چىقمىدى› دەپ تۆھمەت قىلىۋاتىدۇ. لېكىن بىزدە قىزىمنىڭ پاكلىقىنىڭ ئىسپاتى بار» دەپ، قىزى توي كېچىسى ئىشلەتكەن كىرلىكنى ئاقساقاللارغا كۆرسەتسۇن. ئاقساقاللار ئۇ ئادەمنى تۇتۇپ كېلىپ، جازالىسۇن. ئۇ ئادەم قىزنىڭ ئاتىسىغا تۆلەم ھېسابىدا بىر كىلو كۈمۈش بەرسۇن. چۈنكى، ئۇ بىر پاك ئىسرائىل قىزغا تۆھمەت قىلدى. ئۇ قىز يەنىلا ئۇنىڭ ئايالى بولىدۇ، ئېرىنىڭ ئۆمۈر بويى ئۇنى قويۇۋېتىشىگە ھەققى بولمايدۇ. لېكىن ئۇ ئادەمنىڭ ئەيىبلەشلىرى راست بولۇپ، ئاتا-ئانىسى قىزىنىڭ پاكلىقىنى ئىسپاتلىيالمىسا، ئۇ ئادەم قىزنى ئاتىسىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارسۇن. شەھەردىكى ئەرلەر ئۇ قىزنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسۇن. چۈنكى ئۇ قىز تويدىن ئىلگىرى بۇزۇقچىلىق قىلىپ، ئىسرائىللارنى شەرمەندە قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئاراڭلاردىكى رەزىللىكنى يوقىتىڭلار. ئەگەر بىرسى ئېرى بار ئايال بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلغان بولسا، بۇزۇقچىلىق قىلغان ئەر بىلەن ئايالنى ئۆلتۈرۈڭلار. شۇنداق قىلىپ ئىسرائىل خەلقىدىكى رەزىللىكنى يوقىتىڭلار. ئەگەر بىرسى شەھەردە توي قىلىشقا پۈتۈشۈپ بولغان بىر قىز بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلغان بولسا، ھەر ئىككىلىسىنى شەھەر دەرۋازىسى ئالدىغا ئەكېلىپ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈڭلار. چۈنكى ئۇ قىز شەھەردە بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ خالىمىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، ياردەم سوراپ ۋارقىرىمىغان. ئەرنىمۇ چوقۇم ئۆلتۈرۈڭلار، چۈنكى ئۇ باشقىلارنىڭ ئايالى بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلغان. شۇنداق قىلىپ ئاراڭلاردىكى رەزىللىكنى يوقىتىڭلار. ئەگەر بىرسى دالادا توي قىلىشقا پۈتۈشكەن بىر قىزنى ئۇچرىتىپ قېلىپ، ئۇنىڭغا باسقۇنچىلىق قىلغان بولسا، ئۇنى چوقۇم ئۆلتۈرۈڭلار. لېكىن قىزنى ئۆلتۈرمەڭلار، چۈنكى ئۇ گۇناھسىزدۇر. بۇنداق ۋەقە بىر گۇناھسىز كىشىنىڭ يەنە بىر كىشى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگىنىگە ئوخشاش ۋەقەدۇر. ئۇ قىز دالادا باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغاندا، ۋارقىرىسىمۇ قۇتقۇزىدىغان ئادەم يوقتۇر. ئەگەر بىر ئادەم توي قىلىشقا پۈتۈشمىگەن بىر قىز بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلغاندىن كېيىن بايقىلىپ قالسا، بۇ ئادەم قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىغا يېرىم كىلو كۈمۈش تۆلەم تۆلەپ، قىزنى ئەمرىگە ئالسۇن. بۇ ئادەم قىزنى مەڭگۈ قويۇۋېتىشكە بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ قىز بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلغاندۇر. ھېچكىم ئاتىسىنىڭ توقىلىنى ئەمرىگە ئالمىسۇن، بۇ ئاتىسىغا قىلىنغان ھاقارەتتۇر. _ ئۇرۇقدېنى زەخىملەنگەن ياكى ئاختا قىلىنغان ئەرلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرگۈزمەڭلار. نىكاھسىز تۇغۇلغانلارنى ئونىنچى ئەۋلادىغىچە پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرگۈزمەڭلار. ئاممونلار ۋە موئابلارنى ئونىنچى ئەۋلادىغىچە پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرگۈزمەڭلار. چۈنكى سىلەر مىسىردىن چىققان ۋاقتىڭلاردا ئۇلار سىلەرنى سۇ ۋە يېمەكلىك بىلەن كۈتۈۋالمىدى. ئۇلار ئاررام-ناھارايىمدىكى پىتور شەھىرىدە تۇرىدىغان بىئورنىڭ ئوغلى بىلئامنى چاقىرىپ كېلىپ سىلەرنى قارغاتتى. لېكىن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بىلئامنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمىدى، ئەكسىچە قارغىشنى بەختكە ئايلاندۇردى، چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سىلەرگە مېھىر-مۇھەببىتى بار ئىدى. ھايات بولساڭلارلا ئۇلار ئۈچۈن مەڭگۈ ئامانلىق ۋە ياخشىلىق ئىستىمەڭلار. ئىدوملۇقلارنى ئۆچ كۆرمەڭلار، ئۇلار قېرىندىشىڭلاردۇر. مىسىرلىقلارنى ئۆچ كۆرمەڭلار، چۈنكى سىلەر ئۇ زېمىندا مۇساپىر بولۇپ ياشاپ باققان. بۇ ئىككى ئەلنىڭ بالىلىرىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، ئۈچىنچى ئەۋلادى پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرسە بولىدۇ. _ سىلەر لەشكەر باشلاپ، ئۇرۇشقا چىققان ۋاقتىڭلاردا، ھەرقانداق ناپاك ئىشلاردىن يىراق تۇرۇڭلار. ئەگەر بىرسى كەچتە ئېھتىلام بولۇپ قېلىپ بۇلغانسا، ئۇ بارگاھنىڭ سىرتىغا كېتىپ تۇرسۇن. ئەتىسى كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى بويىنى سۇغا سېلىپ، كۈن پاتقاندا بارگاھقا قايتسۇن. بارگاھنىڭ سىرتىغا تەرەت قىلىش ئۈچۈن مۇقىم بىر يەرنى بېكىتىڭلار. ھەممە ئادەمنىڭ جابدۇقلىرىنىڭ ئىچىدە بىردىن ئوتىغۇچ بولسۇن. چوڭ تەرەت قىلغاندا يەرنى كولاپ، تەرىتىنى كۆمۈۋەتسۇن. چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بارگاھىڭلاردا سىلەر بىلەن بىرگىدۇر. ئۇ سىلەرنى قوغداپ، دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلدۇرىدۇ. شۇڭا بارگاھىڭلار پاك بولسۇن. پەرۋەردىگار سىلەردىن ۋاز كېچىدىغان پەسكەش ئىشلارنى قىلماڭلار. _ ئەگەر بىرەر قۇل باشقا ئەلدىن قېچىپ كېلىپ، سىلەردىن پاناھلىق تىلىسە، قېچىپ كەلگەن قۇلنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەرمەڭلار. ئۇ ئۆزى ياخشى كۆرۈپ تاللىغان شەھەردە سىلەر بىلەن بىرگە تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ناھەقچىلىك قىلماڭلار. ئىسرائىللاردىن بولغان ئەر ۋە ئاياللار بۇتخانىدا پاھىشىۋازلىق قىلمىسۇن. پاھىشە ۋە بەچچىۋازلارنىڭ تاپقان كىرىمىنى ھەدىيە قىلىشقا قەسەم قىلغان نەرسە سۈپىتىدە پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئىبادەت جايىغا ئېلىپ كەلمەڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۇلاردىن يىرگىنىدۇ. سىلەر قېرىندىشىڭلارغا قەرز بەرگەن پۇل، ئاشلىق ياكى باشقا ھەرقانداق نەرسىلەردىن ئۆسۈم ئالماڭلار. سىلەر يات ئەللەردىن ئۆسۈم ئالساڭلار بولىدۇ، لېكىن ئىسرائىل قېرىندىشىڭلاردىن ھەرگىز ئۆسۈم ئالماڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن زېمىندا قىلغان بارلىق ئىشىڭلارغا بەرىكەت بېرىدۇ. ئەگەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا قەسەم قىلغان بولساڭلار، قەسىمىڭلارنى كېچىكتۈرمەي ئەمەلگە ئاشۇرۇڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنىڭ قىلغان قەسىمىڭلاردا تۇرۇشۇڭلارنى تەلەپ قىلىدۇ. تۇرمىساڭلار، گۇناھكار بولىسىلەر. ئەگەر قەسەم قىلمىغان بولساڭلار، گۇناھكار بولمايسىلەر. لېكىن ئۆزۈڭلار خالاپ قەسەم قىلغان بولساڭلار جەزمەن قەسەمگە ۋاپا قىلىڭلار. ئىسرائىل قېرىندىشىڭلارنىڭ ئۈزۈمزارلىقىغا كىرسەڭلار، ئۈزۈملەردىن خالىغانچە يېسەڭلار بولىدۇ. لېكىن ئۈزۈملەرنى سېۋىتىڭلارغا سېلىپ ئېلىپ چىقىپ كەتمەڭلار. ئەگەر ئىسرائىل قېرىندىشىڭلارنىڭ بۇغدايلىقىغا كىرسەڭلار، ئۇلاردىن ئۈزۈپ، يېسەڭلار بولىدۇ، لېكىن ئورغاق بىلەن ئورۇۋالساڭلار بولمايدۇ. _ ئەگەر بىر ئادەم توي قىلغاندىن كېيىن، ئايالىنىڭ بىرەر خاتالىقى سەۋەبىدىن ئۇنى تالاق قىلىپ، قولىغا تالاق خېتىنى يېزىپ بېرىپ، ئۆيىدىن كەتكۈزۈۋەتكەن بولسا، ئۇ ئايال يەنە توي قىلىشى مۇمكىن. ناۋادا كېيىنكى ئېرىمۇ ئۇنى ياقتۇرماي، تالاق خېتى يېزىپ بېرىپ، ئۆيىدىن كەتكۈزۈۋەتسە، ياكى كېيىنكى ئېرى ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنداقتا بۇرۇنقى ئېرى بۇ ئايالنى قايتا ئەمرىگە ئالمىسۇن، ئۇ ئايال بۇرۇنقى ئېرى ئۈچۈن ناپاكتۇر. ناپاك ئايالنى ئەمرىگە ئېلىش قىلمىشىدىن پەرۋەردىگار يىرگىنىدۇ. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن بۇ زېمىننى بۇنداق گۇناھلىق ئىشلار بىلەن بۇلغىماڭلار. يېڭىدىن توي قىلغان ئەرلەر بىر يىلغىچە لەشكەر بولمىسۇن ياكى جامائەت ئىشلىرىنى قىلمىسۇن. ئۇلار بىر يىلغىچە ئۆيىدە قېلىپ، يېڭىدىن توي قىلغان ئايالى بىلەن خۇشال ياشىسۇن. قەرزدارنىڭ يارغۇنچاق تېشى قەرز ھېسابىدا گۆرۈگە ئېلىنمىسۇن. چۈنكى بۇ ئۇنىڭ ھاياتىنى گۆرۈگە ئالغانغا باراۋەردۇر. كىمكى ئىسرائىل قېرىندىشىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنى قۇل بولۇشقا مەجبۇرلىسا، ياكى ئۇنى قۇل ئورنىدا ساتسا، ئۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم بولسۇن. شۇنداق قىلىپ ئاراڭلاردىكى رەزىللىكنى يوقىتىڭلار. تېرە كېسىلىدىن ئېھتىيات قىلىڭلار. ئەگەر سىلەر تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالساڭلار، لاۋىيلاردىن بولغان روھانىيلارنىڭ بۇيرۇغىنىدەك قىلىڭلار. مەن لاۋىيلارغا يەتكۈزگەن تېرە كېسىلى توغرىسىدىكى ئەمرلەرگە كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار. سىلەر مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سەپەردە مەريەمنى قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئەسلەڭلار. ئىسرائىل قېرىندىشىڭلارغا بىرنەرسە قەرز بەرگەن بولساڭلار، ئۆيىگە كىرىپ، بىر نەرسىلىرىنى گۆرۈ ئۈچۈن ئېلىپ چىقىپ كەتمەڭلار. سىلەر تاشقىرىدا كۈتۈپ تۇرۇڭلار. قەرزدار گۆرۈگە قويىدىغان نەرسىسىنى ئېلىپ چىقىپ بېرىدۇ. ئەگەر گۆرۈگە قويغۇچى نامرات بولۇپ، ئۆز تونىنى گۆرۈگە قويغان بولسا، توننى كەچ بولغاندا قايتۇرۇپ بېرىڭلار. شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە كۈن پېتىشتىن بۇرۇن ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار. ئۇ تونىنى يېپىنىپ، ئۇيقۇسىنى ئۇخلىسۇن. ئۇ بۇ ياخشىلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە بەخت تىلەيدۇ. سىلەرمۇ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ نەزىرىدىكى ھەق ئىشلارنى قىلغان بولىسىلەر. نامرات، بىچارە ئىشلەمچىلەر مەيلى ئىسرائىللاردىن بولسۇن، مەيلى شەھىرىڭلاردا مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان يات خەلقلەر بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەققىنى يېمەڭلار. ھەر كۈنى كۈن پېتىشتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ شۇ كۈنلۈك ئىش ھەققىنى بېرىڭلار. چۈنكى ئۇلار نامرات بولۇپ، ھەر كۈنلۈك ئىش ھەققىگە تايىنىپ جان ساقلايدۇ. ئەگەر بەرمىسەڭلار، ئۇلار پەرۋەردىگارغا نالە قىلىدۇ، سىلەر گۇناھقا قالىسىلەر. بالىسىنىڭ گۇناھى ئۈچۈن ئاتا-ئانىسىنى ئۆلتۈرۈشكە، ئاتا-ئانىسىنىڭ گۇناھى ئۈچۈن بالىسىنى ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ. ھەركىم ئۆز گۇناھى ئۈچۈن ئۆلۈشى كېرەك. يات خەلقلەر ۋە يېتىملەرگە ئادالەتسىزلىك قىلماڭلار. تۇل ئاياللارنىڭ كىيىملىرىنى گۆرۈگە ئالماڭلار. ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، سىلەر مىسىردا قۇل بولغان ۋاقتىڭلاردا، سىلەرنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا قۇتقۇزغانىدى. شۇڭا مەن سىلەرنىڭ مۇشۇنداق قىلىشىڭلارنى بۇيرۇيمەن. ئېتىزىڭلاردا بۇغداي ئورغان ۋاقتىڭلاردا، بىر باغلام بۇغداينى ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالغان بولساڭلار، قايتىپ بېرىپ ئالماڭلار. ئۇنى يېتىم، تۇل ئايال ۋە يات خەلقلەرگە قالدۇرۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ھەممە ئىشلىرىڭلارغا بەرىكەت بېرىدۇ. زەيتۇن قاققان ۋاقتىڭلاردا پەقەت بىر قېتىم قېقىڭلار، قالغانلىرىنى يېتىم، تۇل ئايال، يات خەلقلەرگە قالدۇرۇڭلار. ئۈزۈمۈڭلارنى بىر قېتىم ئۈزۈڭلار، قايتا ئۈزمەڭلار. ئۇلارنى يېتىم، تۇل ئايال، يات خەلقلەرگە قالدۇرۇڭلار. ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، سىلەرمۇ مىسىردا قۇل بولغان، شۇڭا مەن سىلەرنىڭ مۇشۇنداق قىلىشىڭلارنى بۇيرۇيمەن. _ ئەگەر تالاش-تارتىش يۈز بېرىپ، ھەر ئىككىلا تەرەپ سوتقا ئەرز قىلسا، سوتچى ھەق-ناھەقنى ئايرىپ، بىگۇناھ ئادەمنى ئاقلىسۇن، گۇناھكارنى جازالىسۇن. ئەگەر گۇناھكارغا قامچىلاش جازاسى بېرىشكە تېگىشلىك بولسا، سوتچى نەق مەيداندا گۇناھكارنى يەرگە ياتقۇزۇپ، گۇناھىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ، ھۆكۈمىنى ئىجرا قىلسۇن. ئەڭ كۆپ بولغاندا، قىرىق قامچا ئۇرۇلسۇن. ئەگەر قىرىق قامچىدىن ئېشىپ كەتسە، ئۆزۈڭلارنىڭ قېرىندىشىنى ئوچۇق-ئاشكارا ھاقارەت قىلغان بولىسىلەر. خامان تېپىۋاتقان ئۆكۈزنىڭ ئاغزىنى بوغماڭلار. بىر ھويلىدا بىرگە ياشاۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ بىرى ۋاپات بولسا، لېكىن ئۇنىڭ ئوغلى بولمىسا، ئۆلگۈچىنىڭ ئايالى سىرتقا ياتلىق بولمىسۇن. قېرىنداشلىرى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ، ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ ئايالىنى ئەمرىگە ئالسۇن. ئۆلگۈچىنىڭ نامى ئىسرائىللارنىڭ ئىچىدىن يوقىلىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان تۇنجى ئوغۇل ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ ئوغلى ھېسابلانسۇن. ئەگەر بىرسى ئۆلۈپ كەتكەن قېرىندىشىنىڭ تۇل قالغان ئايالىنى ئەمرىگە ئېلىشقا ئۇنىمىسا، تۇل ئايال شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى ئاقساقاللارنىڭ ئالدىغا بېرىپ: «يولدىشىمنىڭ قېرىندىشى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، مېنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نام قالدۇرۇشقا ئۇنىمىدى» دېسۇن. ئاقساقاللار ئۆلگۈچىنىڭ قېرىندىشىنى چاقىرىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا تەربىيە قىلسۇن. ئەگەر ئۇ يەنىلا ئۇنىمىسا، تۇل ئايال ئاقساقاللارنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ بىر پاي ئايىغىنى سالدۇرۇۋالسۇن ۋە يۈزىگە تۈكۈرۈپ: «ئۆز قېرىندىشىنىڭ نەسلىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئۇنىمىغان كىشى مۇشۇنداق ھاقارەتكە قالىدۇ» دەپ جاكارلىسۇن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئائىلىسى ئىسرائىللار ئارىسىدا «ئايىغى سالدۇرۇلغاننىڭ ئائىلىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر ئىككى ئادەم ئۇرۇشۇپ قېلىپ، بىرسىنىڭ ئايالى ئېرىگە ياردەملىشىپ، يەنە بىر ئادەمنىڭ جىنسىي ئەزاسىنى تۇتۇۋالسا، ئۇ ئايالنىڭ قولى كېسىلسۇن. ئۇنىڭغا رەھىم قىلىشقا بولمايدۇ. تىجارەت قىلغاندا، تېشى چوڭ، كىچىك بولغان ئىككى خىل تارازا ئىشلەتمەڭلار. ئۆيۈڭلاردىمۇ ئۆلچىمى خاتا كەمچەن ئىشلەتمەڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشۈڭلار ئۈچۈن، توغرا ۋە دەل تارازا ۋە ئۆلچىگۈچ ئىشلىتىڭلار. چۈنكى مۇنداق ئىشلاردا ئالدامچىلىق قىلىدىغانلاردىن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا يىرگىنىدۇ. _ سىلەر مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، ئامالەكلەرنىڭ سەپىرىڭلاردا سىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقىنى ئۇنتۇماڭلار. ئۇلار سىلەرنىڭ ھېرىپ، ھالىڭلاردىن كەتكەن ۋاقتىڭلاردىن پايدىلىنىپ، سەپتىن چۈشۈپ قالغانلارغا ھۇجۇم قىلدى، خۇدادىن قورقمىدى. شۇڭا پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن زېمىنغا سىلەرنى ئۆزى باشلاپ كىرىپ، چېگرايىڭلارنى ئامان قىلغاندىن كېيىن، ئامالەك خەلقىنى يوقىتىڭلار. ئۇلارنى كىشىلەرنىڭ خاتىرىسىدىنمۇ ئۆچۈرۈۋېتىڭلار. بۇ ئېسىڭلاردا بولسۇن. _ سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن زېمىننى ئىگىلەپ، ئۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ بولغاندىن كېيىن، تۇنجى ئالغان ھەر خىل ھوسۇلۇڭلاردىن سېۋەتكە سېلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا: «خەلقىم بۇ يەردە ماڭا ئىبادەت قىلسۇن» دەپ، تاللىغان ئىبادەت قىلىش ئورنىغا ئېلىپ بېرىڭلار ۋە شۇ كۈندىكى نۆۋەتچى روھانىيغا: «بىز بۈگۈن پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا شۇنى ئېيتىمىزكى، پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىمىزغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان زېمىنغا كىرىپ بولدۇق» دەڭلار. باش روھانىي قولۇڭلاردىكى سېۋەتنى ئېلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويسۇن. سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا مۇنداق دەڭلار: «بىزنىڭ ئەجدادىمىز ئەسلىدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن ئارراملىق ئىدى. ئۇ مىسىردا مۇساپىر بولۇپ ياشىغاندا، ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ سانى ئاز ئىدى. كېيىن ئۇلارنىڭ سانى كۆپىيىپ، ئۇلۇغ ۋە كۈچلۈك بىر خەلققە ئايلاندى. مىسىرلىقلار بىزگە زۇلۇم سېلىپ، خارلىدى، ئېغىر ئەمگەكلەرگە سالدى. شۇنىڭ بىلەن ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇداغا يالۋۇردۇق. ئۇ بىزنىڭ نالە-پەريادلىرىمىزنى ئاڭلىدى. قىيىنچىلىقىمىزنى، جاپالىرىمىزنى، ئېزىلگەنلىكىمىزنى كۆردى. ئۇ ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولى بىلەن مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسەتتى ۋە ئادەمنى ۋەھىمىگە سالىدىغان ئاپەتلەرنى پەيدا قىلىپ، بىزنى مىسىردىن قۇتقۇزۇپ چىقتى. ئۇ بىزنى بۇ يەرگە باشلاپ كېلىپ، سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىننى ئاتا قىلدى. ئى پەرۋەردىگار، بىز ھازىر سەن بىزگە بەرگەن زېمىنىمىزدىن چىققان تۇنجى ھوسۇلىمىزنى ساڭا ھەدىيە قىلىمىز.» سىلەر بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، سېۋىتىڭلارنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا قويۇڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار. ئاندىن لاۋىيلار ۋە سىلەر بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان يات خەلقلەر بىلەن بىرگە پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان گۈزەل مەئىشەتلەردىن خۇشاللىنىپ شادلىنىڭلار. ھەر ئۈچىنچى يىلى ئوندىن بىر ئۈلۈشۈڭلارنى بېرىدىغان ۋاقتىڭلاردا، ھوسۇلۇڭلارنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئايرىپ، لاۋىيلارغا، يات خەلقلەرگە، يېتىملەرگە ۋە تۇل ئاياللارغا بېرىڭلار. ئۇلار سىلەرنىڭ يۇرتۇڭلاردا تويغۇچە يېسۇن. ئۇنىڭدىن كېيىن، سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ مۇنداق دەڭلار: «بىز سېنىڭ ئەمرلىرىڭ بويىچە ساڭا ئاتىغان ئۈلۈشىمىزنى ئائىلىمىزدىن ئېلىپ كېلىپ، لاۋىيلار، يات خەلقلەر، يېتىملەر ۋە تۇل ئاياللارغا تەقسىملەپ بەردۇق. بىز سېنىڭ ھەرقانداق ئەمرلىرىڭنى ئۇنتۇپ قالمىدۇق ۋە ئۇلارغا خىلاپلىق قىلمىدۇق. بىز بۇ مۇقەددەس نەرسىلەرنى ھازىدار ۋاقتىمىزدا يەپ باقمىدۇق، ناپاك ۋاقتىمىزدا تۇتۇپ باقمىدۇق، ئۆلۈكلەرگە ئاتاپ باقمىدۇق. بىز ساڭا ئىتائەت قىلدۇق. سېنىڭ ئەمر قىلغان بارلىق سۆزلىرىڭگە ئەمەل قىلدۇق. ئى پەرۋەردىگار، ئەرشتىكى مۇقەددەس ماكانىڭدىن بىزگە نەزەر سېلىپ، ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللارغا ۋە سەن ئاتا قىلغان بۇ زېمىنغا، يەنى سەن ئەجدادلىرىمىزغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان بۇ زېمىنغا بەخت ئاتا قىلغايسەن.» _ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بۈگۈن سىلەرگە: «بۇ قانۇن-نىزاملارغا ئەمەل قىلىڭلار» دەپ ئەمر قىلدى. شۇڭا سىلەر چوقۇم پۈتۈن قەلبىڭلار، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن تولۇق ئەمەل قىلىڭلار. سىلەر بۈگۈن «پەرۋەردىگار بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر، ئۇنىڭ يولىنى تۇتىمىز، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئەمر-پەرمان ۋە قانۇن-نىزاملىرىغا ئەمەل قىلىمىز» دەپ گۇۋاھلىق بەردىڭلار. پەرۋەردىگار بۈگۈن ئۆزىنىڭ ۋەدىسى بويىچە سىلەرنى «مېنىڭ قىممەتلىك خەلقىم» دەپ ئېتىراپ قىلدى ۋە سىلەرنىڭ ئۇنىڭ بارلىق ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىشىڭلارنى بۇيرۇدى. ئۇ سىلەرنى مەدھىيە، شۆھرەت ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىدۇ، ئۆزى ياراتقان بارلىق خەلقلەردىن ئۈستۈن قىلىدۇ. ئۇ ئۆزى بەرگەن ۋەدىسى بويىچە سىلەرنى ئۆزىگە ئاتالغان مۇقەددەس بىر خەلق قىلىدۇ. مۇسا ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرى خەلققە مۇنداق دېدى: _ بىز بۈگۈن سىلەرگە يەتكۈزگەن بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىڭلار. ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىنغا كىرگەندىن كېيىن، چوڭ تاشلاردىن بىرقانچە ئابىدە تىكلەپ، ئۇلارنى ھاكلاپ ئاقارتىڭلار. ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا كىرگەندىن كېيىن، ئاشۇ ئابىدە تاشلارغا بۇ ئەمر-پەرمانلارنى پۈتۈپ چىقىڭلار. ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، مەن بۈگۈن بۇيرۇغاندەك، بۇ ئاقارتىلغان تاشلارنى ئېبال تېغىغا ئېلىپ بېرىپ تىكلەڭلار. سىلەر شۇ يەردە تاشلاردىن پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساڭلار. تاشلارغا تۆمۈر ئەسۋاب تەگكۈزمەڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتالغان بۇ قۇربانلىق سۇپىسى تاراشلانمىغان تاشلاردىن ياسالسۇن. ئۇنىڭ ئۈستىدە پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى سۇنۇڭلار. سىلەر يەنە ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنىمۇ سۇنۇڭلار. ئۇ يەردە يەڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا شادلىنىڭلار. بۇ ئەمر-پەرمانلارنى ئاشۇ ئابىدە تاشلارغا ئېنىق قىلىپ پۈتۈپ چىقىڭلار. مۇسا ۋە لاۋىيلاردىن بولغان روھانىيلار ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئىسرائىللار، جىم تۇرۇڭلار، قۇلاق سېلىڭلار. سىلەر بۈگۈن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ خەلقى بولدۇڭلار. شۇڭا پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىتائەت قىلىڭلار، ئۇنىڭ بۈگۈن مەن ئارقىلىق سىلەرگە يەتكۈزگەن ئەمر-پەرمانلىرىغا ئەمەل قىلىڭلار. ئۇ كۈنى مۇسا خەلققە مۇنداق بۇيرۇدى: _ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن شىمون، لاۋىي، يەھۇدا، ئىسساكار، يۈسۈپ ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرى ئەھدىگە پۈتۈلگەن بەختلەرنى تىلەش ئۈچۈن گىرىزىم تېغىدا تۇرسۇن. رۇبېن، گاد، ئاشېر، زەبۇلۇن، دان ۋە نافتالى قەبىلىلىرى ئەھدىگە پۈتۈلگەن قارغىشلارغا گۇۋاھ بولۇش ئۈچۈن ئېبال تېغىدا تۇرسۇن. ئاندىن لاۋىيلار پۈتكۈل ئىسرائىللارغا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دەپ جاكارلىسۇن: «ئويما ۋە قۇيما بۇت ياساپ، مەخپىي جايغا تىكلىگەنلەر قارغىشقا قالىدۇ! بۇتلارنى ھۈنەرۋەنلەر ياسايدۇ، بۇلاردىن پەرۋەردىگار يىرگىنىدۇ!» پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن. «ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمەت قىلمىغانلار قارغىشقا قالىدۇ!» پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن. «قوشنىلىرىنىڭ پاسىل تاشلىرىنى يۆتكىگەنلەر قارغىشقا قالىدۇ!» پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن. «ئەما ئادەمنى قەستەن خاتا يولغا باشلىغانلار قارغىشقا قالىدۇ!» پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن. «يات خەلقلەرگە، يېتىملەرگە، تۇل ئاياللارغا ئادالەتسىز مۇئامىلە قىلغانلار قارغىشقا قالىدۇ!» پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن. «ئاتىسىنىڭ توقىلى بىلەن زىنا قىلىپ، ئاتىسىغا خىيانەت قىلغانلار قارغىشقا قالىدۇ!» پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن. «ھايۋان بىلەن زىنا قىلغانلار قارغىشقا قالىدۇ!» پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن. «ئاچا-سىڭىللىرى ياكى ئۆگەي ئاچا-سىڭىللىرى بىلەن زىنا قىلغانلار قارغىشقا قالىدۇ!» پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن. «قېيىنئانىسى بىلەن زىنا قىلغانلار قارغىشقا قالىدۇ!» پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن. «ئادەمنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرگەنلەر قارغىشقا قالىدۇ!» پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن. «پارا ئېلىپ بىگۇناھ ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلەر قارغىشقا قالىدۇ!» پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن. «بۇ ئەمر-پەرمانلارنى قوبۇل قىلغان، لېكىن ئىتائەت قىلمىغانلار قارغىشقا قالىدۇ!» پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن. _ پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا تولۇق ئىتائەت قىلساڭلار ۋە بۈگۈن مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن ئۇنىڭ بارلىق ئەمر-پەرمانلىرىغا كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلساڭلار، ئۇ سىلەرنى ئالەمدىكى بارلىق خەلقلەردىن ئۈستۈن قىلىدۇ. پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىتائەت قىلساڭلار، بەرىكەت تاپىسىلەر ۋە بەرىكەت سىلەرگە ھەمراھ بولىدۇ. مەيلى سىلەر شەھەردە ياكى يېزىدا بولۇڭلار، بەختلىك بولىسىلەر. بالىلىرىڭلار بەختلىك، ئېتىزىڭلار ھوسۇللۇق بولىدۇ، كالا، قوي، ئۆچكە ۋە باشقا چارۋا ماللىرىڭلار كۆپ بولىدۇ. سېۋەتلىرىڭلار ۋە خېمىر يۇغۇرىدىغان جاۋۇرلىرىڭلار بەرىكەتلىك بولىدۇ. ئۆيدە بولساڭلارمۇ، يولدا بولساڭلارمۇ بەختلىك بولىسىلەر. پەرۋەردىگار سىلەرگە ھۇجۇم قىلغان دۈشمىنىڭلارنى كۆز ئالدىڭلاردا مەغلۇپ قىلىدۇ. دۈشمىنىڭلار سىلەرگە بىر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلغان بولسا، ئۆزلىرى جانلىرىنى تەرەپ-تەرەپكە ئېلىپ قېچىشقا مەجبۇر بولىدۇ. پەرۋەردىگار بارلىق ئىشلىرىڭلارغا بەرىكەت ئاتا قىلىپ، ئامبارلىرىڭلارنى ئاشلىققا تولدۇرىدۇ. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىندا سىلەرنى بەختكە ئېرىشتۈرىدۇ. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىپ، ئۇنىڭ يولىنى تۇتساڭلار، ئۇ ئۆزىنىڭ ۋەدىسى بويىچە سىلەرنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس خەلقى قىلىدۇ. يەر يۈزىدىكى بارلىق خەلقلەر سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ بولغان خەلق ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىدۇ ھەم سىلەردىن قورقىدۇ. پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىندا سىلەرنى روناق تاپقۇزىدۇ. ئۆيۈڭلارنى بالىلارغا، قوتىنىڭلارنى چارۋا ماللارغا تولدۇرىدۇ، ئېتىزىڭلارنى ھوسۇللۇق قىلىدۇ. پەرۋەردىگار سىلەر ئۈچۈن ئەرشتىكى خەزىنىسىنى ئېچىپ، ئۆز ۋاقتىدا يامغۇر ياغدۇرىدۇ، ھەممە ئىشىڭلار بەرىكەتلىك بولىدۇ. سىلەر باشقا نۇرغۇن ئەللەرگە قەرز بېرىسىلەركى، ئۇلاردىن قەرز ئالمايسىلەر. مەن بۈگۈن سىلەرگە يەتكۈزگەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلساڭلار، ئۇ سىلەرنى قۇيرۇق ئەمەس، بەلكى باش قىلىدۇ، ئورنۇڭلار پەستە ئەمەس، بەلكى يۇقىرىدا بولىدۇ. مەن بۈگۈن يەتكۈزگەن ئەمرلەردىن چەتنەپ كەتمەڭلار، باشقا ئىلاھلارنى ئىزدىمەڭلار ۋە ئۇلارغا چوقۇنماڭلار. _ پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىتائەت قىلمىساڭلار ۋە ئۇنىڭ مەن بۈگۈن سىلەرگە يەتكۈزگەن بارلىق ئەمر-پەرمانلىرىغا كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلمىساڭلار، تۆۋەندىكى قارغىشلارنىڭ ھەممىسى بېشىڭلارغا چۈشىدۇ. مەيلى شەھەردە ياكى يېزىدا بولۇڭلار، ئوخشاشلا قارغىشقا قالىسىلەر. سېۋەتلىرىڭلار ۋە خېمىر يۇغۇرىدىغان جاۋۇرلىرىڭلارمۇ قارغىشقا قالىدۇ. پەرزەنتلىرىڭلار، ئېتىزلىرىڭلار، چارۋا ماللىرىڭلار قارغىشقا قالىدۇ. ئۆيدە بولساڭلارمۇ، يولدا بولساڭلارمۇ قارغىشقا قالىسىلەر. پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈپ، رەزىللىك قىلغىنىڭلار ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ قارغىشىغا قالىسىلەر، پاراكەندە بولىسىلەر. ھەممە ئىشىڭلار ئوڭۇشسىز بولۇپ، ئاخىرى تۇيۇقسىز خاراب بولىسىلەر. ئۇ سىلەرنى ئېغىر كېسەللەرگە گىرىپتار قىلىدۇ، كېسەللىكلەر سىلەر ئىگىلىگەن زېمىندا سىلەر ۋەيران بولغۇچە داۋام قىلىدۇ. تاكى سىلەر ھالاك بولغۇچە، پەرۋەردىگار سىلەرنى قىزىتما، ياللۇغ ۋە ئېغىر كېسەللەرگە گىرىپتار قىلىدۇ ۋە ئىسسىق شامال ۋە قۇرغاقچىلىق ئەۋەتىپ، زىرائەتلىرىڭلارنى قۇرۇتۇۋېتىدۇ ياكى نەملىك بىلەن چىرىتىدۇ. ئۇ يامغۇر ياغدۇرماي، ئاسماننى تۇچ، يەرنى تۆمۈردەك قاتتىق قىلىدۇ. سىلەر تاكى ۋەيران بولغۇچە ئاسماندىن يامغۇر ئورنىغا چاڭ-توزان ياغدۇرىدۇ. ئۇ سىلەرنى دۈشمىنىڭلارنىڭ كۆز ئالدىدا مەغلۇپ قىلىدۇ. سىلەر دۈشمىنىڭلارغا بىر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلغان بولساڭلار، ئۆزۈڭلار جېنىڭلارنى تەرەپ-تەرەپكە ئېلىپ قېچىشقا مەجبۇر بولىسىلەر. تەقدىرىڭلاردىن ئالەمدىكى بارلىق ئەللەر چۆچۈيدۇ. جەسىتىڭلار قۇشلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارغا يەم بولىدۇ. ئۇلارنى قوغلىغۇدەك ئادەم بولمايدۇ. پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنىڭ تېنىنى يىرىڭلىق چاقىلارغا گىرىپتار قىلغاندەك، سىلەرنىمۇ يىرىڭلىق چاقىلارغا گىرىپتار قىلىدۇ. ئۆسمە ۋە قوتۇرغا مۇپتىلا بولىسىلەر، بۇ كېسەللەرگە داۋا تاپالمايسىلەر. ئۇ سىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ ساراڭ قىلىدۇ، كۆزۈڭلارنى كور قىلىدۇ. خۇددى قارىغۇ ئادەم يول تاپالماي، تىمىسقىلاپ يۈرگەندەك، سىلەرمۇ كۈپكۈندۈزدە تىمىسقىلاپ يۈرىسىلەر. يوللىرىڭلار راۋان بولمايدۇ، داۋاملىق باشقىلارنىڭ زۇلۇم قىلىشىغا ۋە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشىغا ئۇچرايسىلەر. ھېچكىم سىلەرنى قۇتقۇزمايدۇ. توي قىلىشقا پۈتۈشكەن قىزىڭلارنى باشقىلار ئىگىلىۋالىدۇ. ئۆي سالساڭلار، ئۆيۈڭلاردا ياشىيالمايسىلەر. ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلساڭلار، ئۈزۈمۈڭلارنى ئۆزۈڭلار يېيىشكە نېسىپ بولمايدۇ. كالاڭلارنىڭ سويۇلغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، گۆشىنى يىيەلمەيسىلەر. ئېشەكلىرىڭلار تارتىۋېلىنىپ، قايتۇرۇلمايدۇ. قويلىرىڭلار بۇلانسىمۇ، سىلەرگە ھېچكىم ياردەم قىلمايدۇ. ئوغۇل-قىزلىرىڭلار يات ئەل تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ قايتىپ كېلىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىسىلەر، لېكىن قۇتقۇزۇشقا ئامالىڭلار بولمايدۇ. سىلەر تونۇمايدىغان بىر ئەل ئېتىزىڭلاردىن چىققان ھوسۇلۇڭلارنى، ئەمگەك قىلىپ ئېرىشكىنىڭلارنى يەپ تۈگىتىدۇ. سىلەر ھەمىشە ئېزىلىسىلەر، بوزەك قىلىنىسىلەر. بېشىڭلارغا كەلگەن كۈلپەتتىن ساراڭ بولىسىلەر. پەرۋەردىگار ئىككى پۇتۇڭلارنى ساقايماس يىرىڭلىق چاقىلارغا گىرىپتار قىلىدۇ. بېشىڭلاردىن پۇتۇڭلارغىچە پۈتۈن تېنىڭلارنى يىرىڭلىق چاقا بىلەن تولدۇرىدۇ. پەرۋەردىگار سىلەرنى ۋە پادىشاھىڭلارنى سىلەر ۋە ئەجدادىڭلار نامىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ئەلگە سۈرگۈن قىلىدۇ. سىلەر ئۇ يەردە ياغاچ، تاش بۇتلارغا چوقۇنىسىلەر. سىلەر سۈرگۈن قىلىنغان بارلىق ئەللەردە ئادەمنى چۆچۈتىدىغان دەرىجىدە ئىزا-ئاھانەت ۋە كۈلكىگە قالىسىلەر. كۆپ ئۇرۇق چاچساڭلارمۇ ئاز ھوسۇل ئالىسىلەر، چۈنكى زىرائىتىڭلارنى چېكەتكىلەر يەپ كېتىدۇ. ئۈزۈم تىكىپ، ئۈزۈملۈك بەرپا قىلساڭلارمۇ، ئۈزۈم يىيەلمەيسىلەر، شاراب ئىچەلمەيسىلەر. چۈنكى ئۈزۈمۈڭلارنى قۇرتلار يەپ كېتىدۇ. پۈتۈن زېمىنىڭلاردا زەيتۇن دەرىخى ئۆسسىمۇ، تېنىڭلارغا زەيتۇن يېغى سۈرتەلمەيسىلەر. چۈنكى زەيتۇنۇڭلار پىشماي تۇرۇپ، تۆكۈلۈپ كېتىدۇ. ئوغۇل-قىزلىرىڭلار بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بىرسىمۇ يېنىڭلاردا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئەسىرگە ئېلىنىپ، سۈرگۈن قىلىنىدۇ. دەرىخىڭلارنى، يېرىڭلاردىن چىققان زىرائىتىڭلارنى چېكەتكىلەر يەپ كېتىدۇ. ئاراڭلاردا ياشايدىغان يات خەلقلەر كۈندىن-كۈنگە گۈللىنىدۇ، سىلەر كۈندىن-كۈنگە خارابلىشىسىلەر. ئۇلار سىلەرگە قەرز بېرىدۇ، سىلەر ئۇلارغا قەرز بېرەلمەيسىلەر. ئۇلار باش، سىلەر قۇيرۇق بولىسىلەر. پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىتائەت قىلمىساڭلار ۋە ئۇ ئەمر قىلغان قانۇن-نىزاملارغا ئەمەل قىلمىساڭلار، مۇشۇ قارغىشلارنىڭ ھەممىسى بېشىڭلارغا چۈشىدۇ. تاكى سىلەر ۋەيران بولغۇچە سىلەرگە ياندىشىدۇ. بۇ قارغىشلاردا تىلغا ئېلىنغان بالايىئاپەتلەر سىلەر ۋە ئەۋلادلىرىڭلارغا مەڭگۈ ئاگاھلاندۇرۇش بولىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ھەر جەھەتتىن بەرىكەت ئاتا قىلسىمۇ، لېكىن سىلەر ئۇنىڭغا خۇشال ھالدا پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن خىزمەت قىلمىدىڭلار. شۇ سەۋەبتىن سىلەر بارلىق نەرسەڭلاردىن ئايرىلىپ، ئاچ، يالىڭاچ ۋە چاڭقىغان ھالدا پەرۋەردىگار سىلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتكەن دۈشمىنىڭلارنىڭ قۇلى بولىسىلەر. سىلەر تاكى ھالاك بولغۇچە، دۈشمەن تۆمۈر بويۇنتۇرۇقىنى بوينۇڭلارغا سالىدۇ. پەرۋەردىگار بىر ئەلنى ناھايىتى يىراقتىن ئاتلاندۇرىدۇ. ئۇلار خۇددى بۈركۈتتەك شۇڭغۇپ كېلىپ، سىلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ. سىلەر ئۇلارنىڭ تىلىنى چۈشەنمەيسىلەر. ئۇلارنىڭ چىرايىدىن ياۋۇزلۇق چىقىپ تۇرىدۇ. چوڭلارغا ھۆرمەت قىلمايدۇ، كىچىكلەرگە ئىچ ئاغرىتمايدۇ. ئۇلار تاكى سىلەر ۋەيران بولغۇچە، چارۋا ماللىرىڭلارنى ۋە ئېتىزىڭلاردىن ئالغان ھوسۇللىرىڭلارنى يەيدۇ. سىلەرگە يا ئاشلىق، يا شاراب، يا زەيتۇن يېغى، يا قوزا ياكى موزايلارنى قالدۇرمايدۇ. سىلەر ھالاك بولىسىلەر. ئۇلار بارلىق شەھەرلىرىڭلارنى قورشىۋالىدۇ. سىلەرنىڭ تايىنىدىغان ئېگىز، مۇستەھكەم سېپىللىرىڭلار ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان پۈتۈن زېمىنىڭلاردىكى شەھەرلىرىڭلارنى مۇھاسىرىگە ئالىدۇ. دۈشمەن سىلەرنى قورشاۋغا ئېلىپ، قىيىن ئەھۋالدا قالغىنىڭلاردا، ئۆزۈڭلارنىڭ بالىلىرىنى، يەنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان ئوغۇل-قىزلىرىڭلارنى يەيسىلەر. مۇشۇ يازمىغا پۈتۈلگەن ھەممە قانۇنغا كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ بۈيۈك ۋە ھەيۋەتلىك نامىغا ھۆرمەت قىلىڭلار، بولمىسا ئۇ سىلەرنى ۋە ئەۋلادلىرىڭلارنى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئېغىر ئاپەتلەر ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك ئېغىر كېسەللەرگە دۇچار قىلىدۇ. مىسىرلىقلار مۇپتىلا بولغان قورقۇنچلۇق كېسەللەرگە سىلەرنىمۇ مۇپتىلا قىلىپ، مەڭگۈ ساقايتمايدۇ. تاكى سىلەر ۋەيران بولغۇچە، سىلەرنى بۇ قانۇندا خاتىرىلەنمىگەن باشقا ھەرخىل كېسەللەر ۋە ئاپەتلەرگىمۇ دۇچار قىلىدۇ. ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىتائەت قىلمىساڭلار، سانىڭلار ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردىن كۆپ بولسىمۇ، ئاخىرقى ھېسابتا ناھايىتى ئاز قالىسىلەر. سىلەرگە بەخت ئاتا قىلىپ، سىلەرنى گۈللەندۈرگەنلىكىدىن خۇشاللانغان پەرۋەردىگار خۇدا يەنە سىلەرنى ھالاك قىلىپ، يوقاتقانلىقىدىن ئوخشاشلا خۇشاللىنىدۇ. سىلەر ئىگىلىگەن زېمىنىڭلاردىن تۈپ يىلتىزىڭلاردىن قومۇرۇپ تاشلىنىسىلەر. پەرۋەردىگار سىلەرنى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى يات خەلقلەرنىڭ ئارىسىغا چېچىۋېتىدۇ. سىلەر ئۇ يەردە ئەجدادلىرىڭلارمۇ نامىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ياغاچ، تاش بۇتلارغا چوقۇنىسىلەر. سىلەرگە بۇ خەلقلەرنىڭ ئارىسىدا يا خاتىرجەملىك، يا پۇت تىققۇدەك يەر بولمايدۇ. پەرۋەردىگار سىلەرنى غەم-قايغۇ، ئۈمىدسىزلىك ۋە مەيۈسلۈككە پاتۇرىدۇ. تەشۋىشتە قالىسىلەر، كېچە-كۈندۈز ۋەھىمە ئىچىدە ياشايسىلەر، ھايات-ماماتىڭلارنى بىلىشىڭلار قىيىن بولىدۇ. دەھشەتلىك ئىشلارنى كۆرۈپ، قەلبىڭلار قورقۇنچقا تولىدۇ، كۈندۈزى كېچىنىڭ كېلىشىنى، كېچىدە تاڭنىڭ ئېتىشىنى كۈتىسىلەر. پەرۋەردىگار سىلەرگە: «مىسىرغا ھەرگىز قايتىپ كەتمەيسىلەر» دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا سىلەرنى كېمە بىلەن مىسىرغا قايتۇرىدۇ. سىلەر ئۇ يەردە ئۆزۈڭلارنى دۈشمىنىڭلارغا قۇللۇققا ساتماقچى بولساڭلارمۇ، لېكىن ھېچكىم سىلەرنى ئالمايدۇ. پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا ئىسرائىللار بىلەن ئەھدە تۈزگەندىن باشقا، موئابتىمۇ ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزدى. يۇقىرىدىكىلەر پەرۋەردىگار مۇسا ئارقىلىق ئەمر قىلغان، يەنى ئىسرائىللار بىلەن تۈزگەن ئەھدىنىڭ مەزمۇنىدۇر. مۇسا پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر مىسىردا پەرۋەردىگارنىڭ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرى ھەمدە پۈتۈن خەلقىگە قانداق ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار. سىلەر ئۇنىڭ ئېغىر ئاپەتلەرنى قانداق پەيدا قىلىپ، قانداق بۈيۈك مۆجىزە-كارامەتلەرنى ياراتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار. لېكىن پەرۋەردىگار تاكى بۈگۈنگىچە سىلەرگە چۈشىنەلەيدىغان قەلب، كۆرەلەيدىغان كۆز، ئېنىق ئاڭلىيالايدىغان قۇلاق بەرمىدى. قىرىق يىلدىن بېرى مەن سىلەرنى چۆلدە باشلاپ يۈرۈۋاتىمەن، كىيىمىڭلار يىرتىلىپ، ئايىغىڭلار تېشىلىپ باقمىدى. بۇ جەرياندا نان يەپ باقمىغان، مەي ياكى شاراب ئىچىپ باقمىغان بولساڭلارمۇ، ئەمما پەرۋەردىگار ئېھتىياجىڭلارنى قامداپ كەلدى. بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىنىڭ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشى ئۈچۈن ئىدى. بىز بۇ يەرگە كەلگەن ۋاقتىمىزدا خەشبون پادىشاھى سىخون، باشان پادىشاھى ئوگ بىزگە ھۇجۇم قىلدى، بىز ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدۇق. ئىگىلىگەن زېمىنلارنى رۇبېن، گاد ھەمدە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ يېرىمىغا مۈلۈك قىلىپ بەردۇق. شۇڭا سىلەر بۇ ئەھدىدىكى سۆزلەرگە ئەمەل قىلساڭلار، بارلىق ئىشىڭلار راۋان بولىدۇ. سىلەر بۈگۈن ھەممىڭلار پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئالدىدا تۇرۇپسىلەر. ئاراڭلاردا قەبىلە باشلىقلىرى، ئاقساقاللار، باشقۇرغۇچىلار، باشقا بارلىق ئىسرائىل ئەرلىرى، بالىلار، ئاياللار ۋە ئوتۇنۇڭلارنى يېرىپ، سۈيۈڭلارنى توشۇپ، سىلەر بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان يات خەلقلەرمۇ بار. بۈگۈن سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بىلەن تۈزگەن ئەھدىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن بۇ يەردە تۇرىسىلەر. بۇ ئەھدىنى پەرۋەردىگار ئۆز قەسىمى بىلەن مۆھۈرلەيدۇ. شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ سىلەرگە ۋە ئەجدادلىرىڭلار ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا قىلغان ۋەدىسىگە بىنائەن بۈگۈن سىلەرنى ئۆز خەلقى قىلىپ، سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىدۇ. پەرۋەردىگار بىز بىلەن قەسەم قىلىپ تۈزگەن بۇ ئەھدە پەقەت بىز بىلەنلا تۈزۈلگەن ئەھدە بولماستىن، بەلكى بۈگۈن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئالدىدا تۇرغان بىز ۋە بىزنىڭ تېخى تۇغۇلمىغان ئەۋلادلىرىمىز بىلەنمۇ تۈزگەن ئەھدىدۇر. سىلەر بىزنىڭ مىسىردا قانداق ياشىغانلىقىمىزنى، باشقا ئەللەردىن بۇ يەرگە ئۆتۈپ، قانداق كەلگەنلىكىمىزنى بىلىسىلەر. ئۇلارنىڭ ياغاچ، تاش، ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان يىرگىنچلىك بۇتلىرىنى كۆردۈڭلار. ھوشيار بولۇڭلار، ئاراڭلاردىكى مەيلى ئەر، مەيلى ئايال بولسۇن، مەيلى جەمەت ياكى قەبىلە بولسۇن ھېچقايسىسى پەرۋەردىگارىمىز خۇدادىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنمىسۇن! ئاراڭلاردا زەھەرلىك ۋە ئاچچىق مېۋىلەرنى بېرىدىغان يىلتىز ئۆسمىسۇن! ئاراڭلاردىن ھېچكىممۇ بۇ ئەھدىگە پۈتۈلگەن سۆزلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، يەنە پەرۋا قىلماي ئىچىدە: «مەن ئۆزۈم خالىغان يول بىلەن كېتىۋەرسەممۇ، ماڭا ھېچنېمە بولمايدۇ» دەپ ئويلىمىسۇن. ئۇ يامانلارغىمۇ ھەم ياخشىلارغىمۇ كۈلپەت كەلتۈرىدۇ. پەرۋەردىگار بۇنداق ئادەمنى كەچۈرمەيدۇ. ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ قاتتىق قەھر-غەزىپىنى ياغدۇرىدۇ. بۇ يازمىدا پۈتۈلگەن بارلىق قارغىشلار ئۇنىڭ بېشىغا كېلىدۇ، ئۇنىڭ نامىنى دۇنيادىن يوقىتىدۇ. پەرۋەردىگار ئۇنى پۈتۈن ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئارىسىدىن سىقىپ چىقىرىپ، بۇ قانۇن يازمىسىغا پۈتۈلگەن ئەھدىدىكى بارلىق قارغىشلار بىلەن جازالايدۇ. كېيىنكى ئەۋلادىڭلار ۋە يىراقتىن كەلگەن يات خەلقلەر پەرۋەردىگارنىڭ بۇ زېمىنغا چۈشۈرگەن بالايىئاپەت ۋە كېسەللىكلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ. پۈتۈن زېمىن كۆيۈپ، تۇپراقلىرىنى گۈڭگۈرت ۋە تۇز قاپلاپ كېتىدۇ. ھېچكىم تېرىقچىلىق قىلالمايدۇ، سالغان ئۇرۇقى بىخلىمايدۇ، يەردىن ھېچنېمە ئۈنمەيدۇ. بۇ زېمىن پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى بىلەن ۋەيران بولغان سودوم، گومورا، ئادماھ ۋە زىبويىم شەھەرلىرىگە ئوخشاپ قالىدۇ. دۇنيادىكى ئەللەر: «پەرۋەردىگار بۇ زېمىنغا نېمىشقا بۇنداق قىلغاندۇ؟ نېمىشقا شۇنچە ئاچچىقلانغاندۇ؟» دەپ سورىسا، باشقىلار جاۋاب بېرىپ: «چۈنكى بۇ زېمىندىكى خەلق، ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدا بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىدىن يۈز ئۆرۈپتۇ. بۇ ئەھدىنى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، ئۇلار بىلەن تۈزگەنىكەن. ئەمدى ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان بۇ خەلق ئۆزلىرى بىلمەيدىغان ۋە پەرۋەردىگارى ئۇلارنىڭ چوقۇنۇشىنى چەكلىگەن باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، سەجدە قىلىپتۇ. شۇڭا پەرۋەردىگارى بۇ زېمىنغا غەزەپلىنىپ، ئەھدىسىگە پۈتۈلگەن بارلىق قارغىشلارنى بۇ زېمىنغا چۈشۈرۈپتۇ. خۇددى سىلەر بۈگۈن كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى دەرغەزەپكە كېلىپ، ئۇلارنى بۇ يەردىن يىلتىزى بىلەن قومۇرۇپ ئېلىپ، باشقا يەرلەرگە تاشلاپتۇ.» دەيدۇ. سىرلار پەرۋەردىگارىمىز خۇداغىلا خاستۇر. لېكىن سىر ئەمەسلىرى، يەنى بۇ قانۇن بىزگە ۋە ئەۋلادلىرىمىزغا مەڭگۈ تەۋەدۇر. بىز بۇ قانۇنغا پۈتۈلگەن بارلىق ئەمر-پەرمانلارغا ئەمەل قىلىشىمىز كېرەك. _ مەن سىلەرگە دېگەن بارلىق بەخت ۋە قارغىشلار بېشىڭلارغا كەلگەندە، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى سۈرگۈن قىلغان ئاشۇ ئەللەردە تۇرۇپ، ئاشۇ ئەھدىنى ئېسىڭلارغا ئېلىڭلار. ئۇ چاغدا سىلەر ۋە ئەۋلادلىرىڭلار پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ يولىغا قايتىپ، مەن بۈگۈن يەتكۈزگەن ئۇنىڭ سۆزلىرىگە پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن ئەمەل قىلساڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئىچ ئاغرىتىپ، سىلەرنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. ئۇ سىلەرنى ئۆزى سۈرگۈن قىلغان بارلىق ئەللەردىن قايتۇرۇپ كېلىدۇ. سىلەر دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا تارقىلىپ كەتكەن بولساڭلارمۇ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى شۇ يەرلەردىن قايتۇرۇپ كېلىدۇ. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى ئەجدادلىرىڭلارنىڭ زېمىنىغا ئېلىپ كىرىدۇ. سىلەر ئۇ زېمىنغا ئىگە بولىسىلەر. پەرۋەردىگار سىلەرنى ئەجدادلىرىڭلاردىنمۇ بەكرەك روناق تاپقۇزۇپ، سانىڭلارنى كۆپەيتىدۇ. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ قەلبلىرىنى پاكلايدۇ. شۇندىلا سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى پۈتۈن قەلبىڭلار، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن سۆيىسىلەر ۋە ھايات قالىسىلەر. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بارلىق قارغىشلارنى سىلەرنى ئۆچ كۆرىدىغانلار ھەم سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغان دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ بېشىغا چۈشۈرىدۇ. سىلەر قايتىدىن پەرۋەردىگارغا ئىتائەتمەن بولىسىلەر، ئۇنىڭ بۈگۈن مەن ئارقىلىق يەتكۈزگەن بارلىق ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىسىلەر. مەن بۈگۈن سىلەرگە يەتكۈزگەن ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىش قىيىنمۇ ئەمەستۇر. ياكى سىلەر يېتىپ بارالمىغۇدەك دەرىجىدە يىراقتىمۇ ئەمەستۇر. «كىم ئاسمانغا چىقىپ، ئۇنى ئېلىپ چۈشۈپ، بىزگە سۆزلەپ بېرىدۇ ھەم بىزگە ئىجرا قىلدۇرىدۇ؟» دېگۈدەك، ئۇ ئاسماندا ئەمەستۇر. «كىم دېڭىزدىن ئۆتۈپ، ئېلىپ كېلىپ بىزگە سۆزلەپ بېرىدۇ ھەم بىزگە ئىجرا قىلدۇرىدۇ؟» دېگۈدەك دېڭىزنىڭ قارشى قىرغىقىدا ئەمەستۇر. ئەكسىچە بۇ سۆز سىلەرگە ئىنتايىن يېقىندۇر، ئۇ تىلىڭلار ۋە دىلىڭلاردىدۇر. ئۇنىڭغا ئاسانلا ئەمەل قىلالايسىلەر. مەن بۈگۈن ھايات-مامات، بەخت-سائادەت ۋە بالايىئاپەتنى ئالدىڭلارغا قويدۇم. مەن بۈگۈن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى سۆيۈشۈڭلارنى، ئۇنىڭ يولىدا مېڭىشىڭلارنى، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە، ئۇنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا ئەمەل قىلىشىڭلارنى بۇيرۇيمەن. شۇنداق قىلساڭلار ھايات قالىسىلەر، سانىڭلار كۆپىيىدۇ. سىلەر || ئىگىلىگەن | ئىگىلەيدىغان || زېمىندا پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى بەختكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئەگەر سىلەر سۆزۈمگە قۇلاق سالماي، يولىدىن چەتنەپ، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ سەجدە قىلساڭلار، مەن سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويايكى، سىلەر چوقۇم ھالاك بولىسىلەر. سىلەر ئىگىلىمەكچى بولغان ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى زېمىندا ئۇزاق ياشىيالمايسىلەر. بۈگۈن مەن ئاسمان-زېمىننى گۇۋاھ قىلىپ تۇرۇپ، ھايات ياكى ماماتنى، بەخت ياكى قارغىشنى ئالدىڭلارغا قويدۇم. ھاياتلىقنى تاللاڭلار، شۇندىلا سىلەرمۇ ۋە ئەۋلادلىرىڭلارمۇ ھايات قالىدۇ. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى سۆيۈڭلار، ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا سادىق بولۇڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ھاياتىڭلاردۇر. پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلار بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان زېمىندا ئۆمرۈڭلارنى ئۇزۇن قىلىدۇ. مۇسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دېدى: _ مەن ھازىر 120 ياشقا كىردىم. ئەمدى سىلەرگە باشلامچىلىق قىلالمايمەن. پەرۋەردىگار ماڭا: «سەن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتمە» دېگەنىدى. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۆزى سىلەرنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇ يەردىكى يات ئەللەرنى كۆز ئالدىڭلاردا يوقىتىدۇ ۋە سىلەرنى ئۇ زېمىنغا ئىگە قىلىدۇ. پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك يوشۇۋا سىلەرنىڭ يېتەكچىڭلار بولىدۇ. پەرۋەردىگار خۇددى ئامورلارنىڭ پادىشاھلىرى سىخون بىلەن ئوگنى يوقاتقىنىدەك، ئۇ يەردىكى ئەللەرنىمۇ يوقىتىدۇ. پەرۋەردىگار ئۇلارنى قولۇڭلارغا تاپشۇرغاندا، سىلەر ئۇلارنى مەن يەتكۈزگەن ئەمر بويىچە بىر تەرەپ قىلىڭلار. سىلەر قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بولۇڭلار، ئۇلاردىن قورقۇپ، تىترىمەڭلار، خۇدا سىلەرگە ياردۇر. ئۇ سىلەردىن ھەرگىز ئايرىلمايدۇ ھەمدە سىلەرنى تاشلىمايدۇ. مۇسا يوشۇۋانى چاقىرىپ كېلىپ، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول! چۈنكى سەن ئىسرائىللارنى پەرۋەردىگار ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان زېمىنغا باشلاپ كىرىسەن، ئۇلار سەن ئارقىلىق بۇ زېمىنغا ئىگە بولىدۇ. پەرۋەردىگار سېنى باشلايدۇ، ساڭا يار بولىدۇ. ئۇ سەندىن ھەرگىز ئايرىلمايدۇ ھەمدە سېنى تاشلىمايدۇ. قورقما ۋە بوشىشىپ قالما!» مۇسا بۇ قانۇننى ئۆزى پۈتۈپ، ئۇنى ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرىدىغان لاۋىيلاردىن بولغان روھانىيلارغا بەردى. مۇسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ قەرز كەچۈرۈم قىلىنىدىغان ھەر يەتتىنچى يىلدىكى كەپە تىكىش ھېيتىدا، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بەلگىلەپ بەرگەن ئورۇنغا كېلىپ، ئىبادەت قىلغان ۋاقتىڭلاردا، خەلققە بۇ قانۇننى ئۈنلۈك ئوقۇپ بېرىڭلار. ئەر-ئاياللار، بالىلار ۋە يۇرتۇڭلاردىكى يات خەلقلەرنى يىغىپ، ئۇلارغا بۇ قانۇننى ئاڭلىتىڭلار. ئۇلار پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن ئەيمىنىشنى، بۇ قانۇندىكى بارلىق ئەمرلەرگە كۆڭۈل قويۇپ، ئەمەل قىلىشنى ئۆگەنسۇن. شۇنداق قىلساڭلار، بۇ قانۇننى تېخى ئاڭلىمىغان بالىلارنىڭ ئاڭلىشىغا پۇرسەت بولىدۇ. ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىدىكى سىلەر || ئىگىلىگەن | ئىگىلەيدىغان || زېمىنلاردا مەيلى قانچە يىل ياشىسۇن، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن ئەيمىنىشنى ئۆگىنىدۇ. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سېنىڭ ئالەمدىن ئۆتىدىغان ۋاقتىڭ يېقىنلىشىپ قالدى. يوشۇۋانى چاقىرىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىغا بىللە كېلىڭلار. مەن ئۇنىڭغا ۋەزىپە تاپشۇراي. مۇسا بىلەن يوشۇۋا ئۇچرىشىش چېدىرىغا كەلدى. شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئۈستىدە بۇلۇت تۈۋرۈكىنىڭ ئىچىدە ئايان بولدى. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ سېنىڭ ئالەمدىن ئۆتىدىغان ۋاقتىڭ يېقىنلىشىپ قالدى. بۇ خەلق ئۇ زېمىنغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇ يەردىكى يات خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنۇپ، خۇددى پاھىشىلەردەك ساداقەتسىزلىك قىلىدۇ. ئۇلار مېنى تاشلاپ، مەن بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلىدۇ. ئۇ چاغدا مەن ئۇلارغا غەزەپلىنىپ، ئۇلارنى تاشلايمەن، ئۇلاردىن دىدارىمنى يوشۇرىمەن. ئۇلار ھالاك بولىدۇ، نۇرغۇن بالايىئاپەتلەرگە ئۇچرايدۇ. شۇ چاغدا ئۇلار: «خۇدا بىزگە يار بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ بالا-قازالار بېشىمىزغا چۈشكەنمىدۇ؟» دېيىشىدۇ. ئۇلار رەزىللىك قىلىپ، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنغانلىقى ئۈچۈن، مەن ئۇلاردىن چوقۇم دىدارىمنى يوشۇرىمەن. سەن ھازىر بىر مۇناجات يازغىن. ئۇنى ئىسرائىل خەلقىگە ئۆگەتكىن، ئۇلار ئۇنى ئېيتسۇن. بۇ ئۇلارنى ئەيىبلىگەنلىكىمگە گۇۋاھ بولىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا بۇ زېمىننى ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغانمەن. مەن ئۇلارنى سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا باشلاپ بارغاندىن كېيىن، ئۇلار ئۇ يەردە قورساقلىرىنى تويغۇزۇپ، راھەت ياشايدۇ. ئاندىن ئۇلار مەندىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنىدۇ. مېنى تاشلاپ، مەن بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلىدۇ. نۇرغۇن بالايىئاپەتلەر ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەندە، بۇ مۇناجات ئۇلارنى ئەيىبلىگەنلىكىمگە گۇۋاھ بولىدۇ. بۇ مۇناجات ئەۋلادمۇئەۋلاد ئۇنتۇلمايدۇ. گەرچە مەن ئۇلارنى ئەجدادلىرىغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان زېمىنغا تېخى باشلاپ كىرمىگەن بولساممۇ، ئۇلارنىڭ ئوي-خىياللىرىنى بىلىمەن. شۇ كۈنى مۇسا بۇ مۇناجاتنى يېزىپ، ئىسرائىللارغا ئۆگەتتى. پەرۋەردىگار نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋاغا مۇنداق دەپ ئەمر قىلدى: _ قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بولغىن، سەن ئىسرائىللارنى مەن ئۇلارغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان زېمىنغا باشلاپ بارىسەن، مەن ساڭا يار بولىمەن. مۇسا بۇ قانۇننىڭ پۈتۈن ئەمرلىرىنى پۈتۈپ بولغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرىدىغان لاۋىيلارغا مۇنداق دەپ بۇيرۇدى: _ بۇ قانۇن پۈتۈلگەن يازمىنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ يېنىغا قويۇڭلار. ئۇ خۇدانىڭ سىلەرنى ئەيىبلىگەنلىكىگە گۇۋاھ بولسۇن. سىلەرنىڭ ئاسىي ۋە جاھىل ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىمەن. سىلەر مەن ھايات ۋاقتىمدا پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈگەن تۇرساڭلار، مەن ئۆلگەندىن كېيىن نېمە ئىش بولماقچى ئىدى؟ ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ ئاقساقاللىرىنى، باشقۇرغۇچىلارنى ئالدىمغا چاقىرىپ كېلىڭلار، مەن بۇ سۆزلەرنى ئۇلارغىمۇ دەي. بۇنىڭغا ئاسمان-زېمىن گۇۋاھ بولسۇن. بىلىمەنكى، مەن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، تاپتىن چىقىسىلەر ۋە مەن بۇيرۇغان يولدىن ئازىسىلەر. كەلگۈسىدە پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغان ئىشلارنى قىلىسىلەر ۋە قىلغان قىلمىشىڭلار ئارقىلىق ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىسىلەر، بالايىئاپەت بېشىڭلارغا كېلىدۇ. ئاندىن مۇسا تۆۋەندىكى مۇناجاتنى پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە ئوقۇپ بەردى. ئەي ئەرشئەلا، قۇلاق سال ماڭا، ئەي زېمىن، سۆزۈمنى ئاڭلا. يۇمران چۆپنى ھۆل قىلغان، بېدىلەرنى سۇغارغان يامغۇر كەبى تۆكۈلسۇن تەلىملىرىم، شەبنەم كەبى چۈشسۇن سۆزلىرىم. مەن پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى جاكارلايمەن، سىلەر خۇدايىمىزنىڭ بۈيۈكلۈكىنى مەدھىيەلەڭلار. ئۇ قورام تاشتۇر، ئۇنىڭ ياراتقانلىرى مۇكەممەلدۇر، قىلغانلىرى توغرىدۇر. ئۇ يامانلىق قىلمايدۇ، ساداقەتلىكتۇر، ئادىل ۋە دۇرۇستۇر. لېكىن سىلەر ساداقەتسىزلىك قىلدىڭلار ئۇنىڭغا، ئەيىبلىكسىلەر، مۇناسىپ ئەمەسسىلەر ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى بولۇشقا. سىلەر چىرىك ۋە رەزىل ئەۋلادتۇرسىلەر. ئەي بىلىمسىز، نادانلار، مۇشۇنداق جاۋاب قايتۇرامسىلەر پەرۋەردىگارغا؟ ئۇ سىلەرنى ياراتقان ئاتاڭلارغۇ؟ سىلەرنى بىر خەلق قىلدىغۇ؟ ئەسلەپ بېقىڭلار ئۆتمۈشۈڭلارنى، سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭلار تارىخىڭلارنى. سورىساڭلار ئاتاڭلاردىن، سۈرۈشتۈرسەڭلار ئاقساقاللاردىن، جاۋاب بېرىدۇ ئۇلار. ئۇلۇغ خۇدا ئەللەرگە بەرگەندە زېمىنلارنى، ئايرىغاندا ئىنسانلارنى، ئىسرائىللارنىڭ سانى بويىچە بەلگىلىدى ئەللەرنىڭ چېگرالىرىنى. لېكىن ئىسرائىل خەلقى پەرۋەردىگارغا تەۋەدۇر، ياقۇپ ئۇنىڭ مۈلكىدۇر. قاقاس چۆللۈكتىن، ياۋايى ھايۋانلار ھۇۋلاپ تۇرىدىغان دالادىن پەرۋەردىگار تاپتى ئىسرائىللارنى. باقتى ئۇلارنى، قوغدىدى ئۇلارنى خۇددى قوغدىغاندەك كۆز قارىچۇقىنى. خۇددى بۈركۈت بالىلىرىنى ئۇۋىسىدىن چىقىرىپ، ئايلىنىپ ئۇچۇپ يۈرگەندەك بالىلىرىنىڭ ئۈستىدە پەرۋاز قىلدى كېرىپ قاناتلىرىنى، كۆتۈرۈپ يۈرگەندەك بالىلىرىنى. پەرۋەردىگار ئۆزى يالغۇز خەلقىنى باشلاپ ماڭغاندا، يات ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرى يوق ئىدى يېنىدا. ئۇلارنى ئېگىزلىكتىكى يۇرتقا ھاكىم قىلدى، ئېتىزلىرىنىڭ ھوسۇلىنى يېگۈزدى. تېتىتتى قىيا تاشتىن بالنىڭ تەمىنى، تاشلىق يەردىن زەيتۇن يېغىنى. كالا قېتىقى، قوي سۈتى ئىچكۈزدى. يېگۈزدى سېمىز پاقلان، باشاننىڭ قوي، ئۆچكىلىرىنى ۋە ئەڭ ئېسىل بۇغدايلارنى. ئىچكۈزدى ئۈزۈم شارابىنى. لېكىن ئىسرائىللار يەپ-ئىچىپ تويۇپ، سەمرىگەندىن كېيىن ئاسىيلىق قىلدى. ئۇلارنى ياراتقان خۇدادىن يۈز ئۆرۈدى ۋە ئۇلارنى قۇتقۇزغان قورام تاشنى كۆزگە ئىلمىدى. يات خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنۇپ، ئۇنى قىزغاندۇردى، يىرگىنچلىك بۇتلارغا سېغىنىپ، ئۇنى غەزەپلەندۈردى. ئۇلار خۇداغا ئەمەس، جىنلارغا قۇربانلىق قىلدى. ئۇلار بۇرۇن بىلمىگەن، كېيىن ئاڭلىغان، ئەجدادلىرى چوقۇنمىغان ئىلاھلارغا چوقۇندى. ئۇلار تەرك ئەتتى ئۆزلىرىگە ھاياتلىق بەرگەن خۇدانى، ئۇنتۇدى ئۆزلىرىنى ياراتقان ئاشۇ قورام تاشنى. كۆرۈپ پەرۋەردىگار بۇ رەزىللىكنى غەزىپى تېشىپ، ئۆز پەرزەنتلىرىنى تاشلىدى. پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: «بۇ چىرىك خەلق، ۋاپاسىز ئەۋلاد بىلەن كارىم يوق! قېنى، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدىكىن، كۆرۈپ باقاي. ئۇلار ساختا ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، غەزىپىمنى قوزغىدى، ئەرزىمەس بۇتلار بىلەن ئاچچىقىمنى كەلتۈردى. ئۆز خەلقىم بولمىغان باشقا خەلق ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ھەسىتىنى قوزغايمەن. ئۇلار ئەقىلسىز دەپ قارايدىغان خەلق ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ غەزىپىنى قوزغايمەن. غەزىپىم ئوتتەك يانماقتا، ئۆرتەپ تۈگىتەر پۈتۈن جاھاننى. تۇتىشىپ بۇ ئوت گۆرنىڭ تېگىگىچە يالماپ يۇتىدۇ تاغلارنى يىلتىزلىرىغىچە. ئۇلارنىڭ بېشىغا داۋاملىق بالا كەلتۈرىمەن، ئوقلىرىمنى ئۇلارغا تۈگىگۈچە ئاتىمەن. ئۇلار ئاچارچىلىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتىدۇ. كېسەللىك ۋە ۋابا ئۇلارنى ھالاك قىلىدۇ، يىرتقۇچ ھايۋانلارنى، زەھەرلىك يىلانلارنى ئۇلارغا ئەۋەتىمەن. سىرتنى قىر-چاپ، ئۆي ئىچىنى قورقۇنچ قاپلايدۇ. ئوغۇل، قىز، بوۋاق، قېرىلارمۇ ھالاك بولىدۇ. مەن ئۇلارنى يوقىتاتتىم، ئۇلارنى ئالەم ئۇنتۇپ كېتەتتى. لېكىن دۈشمەنلەرنىڭ چۈشەنمەي، مازاق قىلىپ: ‹ئىسرائىللارنى پەرۋەردىگار ئەمەس، بەلكى بىز مەغلۇپ قىلدۇق› دېيىشىنى خالىمىدىم. ئىسرائىللار ئەقىلسىز، ئىدراكسىز خەلقتۇر. ئەگەر ئۇلاردا ئەقىل بولسا ئىدى، ھەممىنى چۈشەنگەن، ئاقىۋىتىنى بىلگەن بولار ئىدى. ئەگەر ئۇلارنىڭ قورام تېشى ئۇلارنى سېتىۋەتمىگەن، پەرۋەردىگار ئۇلارنى تاشلىۋەتمىگەن بولسا، بىر ئادەم قانداقمۇ مىڭلىغان ئادەمنى، ئىككى ئادەم قانداقمۇ تۈمەنلىگەن ئادەمنى چېچىۋېتەلىسۇن؟ دۈشمەنلىرىمىزمۇ ئۆزلىرىنىڭ قورام تېشىنىڭ بىزنىڭ قورام تېشىمىزغا يەتمەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. دۈشمەنلىرىمىز سودوملۇقلارنىڭ نەسلىگە ئوخشايدۇ، ئۇلار گومورادا ئۆسكەن ئۈزۈم تېلىغا ئوخشايدۇ. ئۈزۈمىنىڭ دانىلىرى قىرتاق، ساپاقلىرى زەھەردۇر. ئۈزۈمىنىڭ شارابلىرى يىلان، يەنى كۆزەينەكلىك يىلاننىڭ ئەجەللىك زەھىرىگە ئوخشايدۇ. مەن ئىسرائىللارنىڭ دۈشمەنلىرىگە نېمە قىلماقچى بولغانلىقىمنى دىلىمدا ساقلايمەن. ۋاقتى كەلگەندە مەن ئۇلارنى جازالايمەن. ئىنتىقام ئالغۇچى مەندۇرمەن، مەن چوقۇم ئۆچ ئالىمەن. ۋاقتى كەلگەندە ئۇلار يىقىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھالاك بولىدىغان كۈنى ئاز قالدى، ئۇلارنىڭ قىسمىتى تېزلا يېتىپ كېلىدۇ.» پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى ھالىدىن كەتكەندە، قۇللارمۇ، ھۆر ئادەملەرمۇ نابۇت بولغاندا، پەرۋەردىگار خىزمەتكارلىرىغا رەھىم قىلىدۇ، ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ. پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ: «ئىلاھلىرىڭلار نەدە؟ سىلەر پاناھلىنىدىغان ‹قورام تېشىڭلار› قەيەردە؟ سىلەر ئىلاھلىرىڭلارغا قۇربانلىق ياغلارنى سۇندۇڭلار، شاراب ھەدىيە قىلدىڭلار. ئۇنداقتا ئۇلار كېلىپ، سىلەرگە ياردەم قىلسۇن، ئۇلار سىلەرنى قوغدىسۇن! بىلىشىڭلار كېرەككى، مەن بىردىنبىر خۇدادۇرمەن. مەندىن باشقا خۇدا يوقتۇر. ھايات-مامات مېنىڭ ئىلكىمدىدۇر. زەخىملىنىشمۇ، ساقىيىشمۇ مەندىندۇر. ھېچكىم مېنىڭ قولۇمدىن قۇتۇلالمايدۇ. مەن قولۇمنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ، مەڭگۈ مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن پارقىراق قىلىچىمنى بىلەپ ئىتتىكلىتىمەن، ئۇنىڭ بىلەن ئادالەتنى ئورنىتىمەن. دۈشمەندىن قىساس ئالىمەن، ماڭا نەپرەتلەنگەنلەرنىڭ نەپرىتىنى ئۆزلىرىگە قايتۇرىمەن. ئوقلىرىمنى ئۇلارنىڭ قېنى بىلەن مەست قىلىمەن. قىلىچىمنى ئۇلارنىڭ گۆشلىرى بىلەن تويدۇرىمەن. ئەسىرلەرنىڭمۇ قېنىنى تۆكىمەن، يېتەكچىلىرىنىڭمۇ باشلىرىنى ئالىمەن.» ئەي ئەللەر، خۇدانىڭ خەلقى بىلەن بىرلىكتە شادلىنىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۈچۈن قىساس ئالىدۇ. ئۇ دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئېلىپ، زېمىنىنى ۋە خەلقىنى گۇناھتىن پاكلايدۇ. مۇسا ۋە نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا بۇ مۇناجاتنى جامائەتكە ئوقۇپ بەردى. ئۇنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، مۇسا پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دېدى: _ مېنىڭ بۈگۈن ئېيتقان بارلىق ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمنى ئېسىڭلاردا ساقلاڭلار. بۇ قانۇندىكى سۆزلەرنىڭ ھەممىسىگە كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىشنى پەرزەنتلىرىڭلارغا بۇيرۇڭلار. بۇ سۆزلەر قۇرۇق گەپلەر ئەمەس، بەلكى ھاياتىڭلاردۇر. بۇلارغا ئىتائەت قىلساڭلار، ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدىكى سىلەر || ئىگىلىگەن | ئىگىلەيدىغان || زېمىندا ئۇزۇن ياشالايسىلەر. شۇ كۈنى پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى، يەنى موئابنىڭ ئابارىم تاغلىرىدىكى نىبو تېغىغا چىققىن. ئۇ يەردىن مەن ئىسرائىللارغا مۈلۈك قىلىپ بەرمەكچى بولغان كەنئان زېمىنىغا نەزەر سالغىن. ئاكاڭ ھارۇن ھور تېغىدا ئالەمدىن ئۆتكەندەك، سەنمۇ ئۆزۈڭ چىققان نىبو تېغىدا ئالەمدىن ئۆتىسەن. ھارۇن ئىككىڭلار زىن چۆلىدىكى كادېشتا، يەنى مىرىبا سۈيىدە ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئالدىدا ماڭا ساداقەتسىزلىكىڭلارنى كۆرسەتتىڭلار ۋە مۇقەددەسلىكىمگە ھۆرمەت قىلمىدىڭلار. شۇڭا سەن، مەن ئىسرائىللارغا ئاتا قىلغان زېمىننى يىراقتىنلا كۆرىسەن، لېكىن ئۇ يەرگە كىرەلمەيسەن. بۇ، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى مۇسانىڭ دۇنيادىن كېتىش ئالدىدا ئىسرائىللارغا بەخت تىلەپ قىلغان دۇئاسىدۇر. مۇسا مۇنداق دۇئا قىلدى: «پەرۋەردىگار سىناي تېغىدىن، سەئىر زېمىنىدىن بىزگە زاھىر بولدى، پاران تېغىدىن نۇر چاچتى، ئۇ تۈمەنلىگەن مۇقەددەس پەرىشتىلەر ئارىسىدا ئىدى، ئوڭ قولىدىن ئوت چاچتى. پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى سۆيىدۇ، ئۇ ئۆزىگە بېغىشلانغانلارنى قوغدايدۇ. ئۇلار ئۇنىڭغا تەزىم قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن تەلىم ئالىدۇ. مەن سىلەرگە خۇدانىڭ قانۇنىنى يەتكۈزدۈم، بۇ قانۇن ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ مۈلكىدۈر. ئىسرائىل قەبىلىلىرى يىغىلغاندا، ئىسرائىللارنىڭ يېتەكچىلىرى توپلانغاندا، پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى بولدى.» مۇسا رۇبېن قەبىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دۇئا قىلدى: «رۇبېن قەبىلىسى ياشىسۇن، يوقالمىسۇن، لېكىن ئۇنىڭ سانى ئاز بولىدۇ». مۇسا يەھۇدا قەبىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دۇئا قىلدى: «ئى پەرۋەردىگار، قۇلاق سالغايسەن يەھۇدانىڭ ئىلتىجاسىغا. ئۇلارنى قايتۇرۇپ كەلگەيسەن خەلقىمىزنىڭ ئارىسىغا، ئۇ ئۆز قوللىرى بىلەن ئۆزىنى ھىمايە قىلىدۇ. ياردەم بەرگەيسەن ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى تۇرۇشىغا». مۇسا لاۋىي قەبىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دۇئا قىلدى: «ئى پەرۋەردىگار، ئۆتۈنەي، ‹تۇممىم› ۋە ‹ئۇرىم›نى بەرگەنسەن ساداقەتمەن لاۋىيلارغا. ئۇلارنى سىنىدىڭ ماسساھتا، ئۇلار بىلەن مۇنازىرىلەشتىڭ مىرىبا سۈيىدە. ئۇلارنىڭ ساڭا بولغان ساداقىتى ئېشىپ چۈشەر ئاتا-ئانا، قېرىنداش ۋە پەرزەنتلىرىگە بولغان ساداقىتىدىن. ئەمەل قىلدى ئۇلار ئەمرلىرىڭگە، چىڭ تۇرۇپ كەلدى سېنىڭ ئەھدەڭدە. ئۇلار سېنىڭ ئەمر، قانۇنلىرىڭنى يەتكۈزىدۇ ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا، يەنى ئىسرائىللارغا. خۇش پۇراق ئىسرىقلارنى ئالدىڭغا قويىدۇ، قۇربانلىق سۇپاڭدا قۇربانلىق مالنى پۈتۈن كۆيدۈرىدۇ. ئى پەرۋەردىگار، كۈچ ئاتا قىلغىن ئۇلارغا، قوبۇل قىلغىن خىزمەتلىرىنى، سۇندۇرغىن دۈشمەنلىرىنىڭ بېلىنى، قايتىدىن باش كۆتۈرەلمەس قىلىپ قويغىن رەقىبلىرىنى.» مۇسا بىنيامىن قەبىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دۇئا قىلدى: «پەرۋەردىگارنىڭ ياخشى كۆرگەن قەبىلىسى پەرۋەردىگارنىڭ قۇچىقىدا بىخەتەردۇر، پەرۋەردىگار كۈنبويى قوغدايدۇ ئۇلارنى.» مۇسا يۈسۈپ قەبىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دۇئا قىلدى: «پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ زېمىنىغا بەخت ئاتا قىلسۇن. ئۇلار ئاسماندىن چۈشكەن شەبنەم، يەر ئاستىدىن چىققان بۇلاق سۇلىرى بىلەن بەرىكەتلەنسۇن. ئاپتاپتا پىشقان مېۋىلەر مول بولسۇن، ئۇلار ئايمۇئاي مول ھوسۇل ئالسۇن. قەدىمىي تاغلاردىن، مەڭگۈلۈك ئېدىرلىقلاردىن ئالغان ھوسۇللىرى ئەڭ ئېسىل بولسۇن. كۆيۈۋاتقان چاتقاللىقتا چاقىرغان پەرۋەردىگار ئۇلارغا مول ئىلتىپات كۆرسىتىپ، پۈتۈن زېمىنىنى ئېسىل نېمەتلىرى بىلەن تولدۇرسۇن. بۇ بەخت-سائادەت يۈسۈپنىڭ بېشىغا، يەنى قېرىنداشلىرىدىن تاللانغىنىغا قونسۇن. يۈسۈپ تۇنجى تۇغۇلغان بۇقىدەك، ياۋا كالىنىڭ مۈڭگۈزىدەك ھەيۋەتلىكتۇر. ئۇ يات ئەللەرنى مۈڭگۈزى بىلەن ئۈسۈپ، تاكى زېمىننىڭ چېتىگىچە سۈرىدۇ. ئەفرايىمنىڭ تۈمەنلىگەن لەشكەرلىرى ۋە ماناسسەنىڭ مىڭلىغان جەڭچىلىرى ئۇنىڭ مۈڭگۈزىدۇر.» مۇسا زەبۇلۇن ۋە ئىسساكار قەبىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دۇئا قىلدى: «زەبۇلۇنلار سىرتقا چىققاندا خۇرسەن بولسۇن، ئىسساكارلار چېدىرلىرىدا تۇرغاندا شادلانسۇن. ئۇلار خەلقنى تاغقا چىقىشقا چاقىرىپ، ئۇ يەردە دۇرۇس بولغان قۇربانلىقلارنى قىلىدۇ. ئۇلار دېڭىزدىن بايلىق، قۇملۇقتىن گۆھەر ئالىدۇ.» مۇسا گاد قەبىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دۇئا قىلدى: «گاد قەبىلىسىنىڭ زېمىنىنى كېڭەيتكەن خۇدا مەدھىيەلەنسۇن! گاد ماراپ ياتقان شىرغا ئوخشايدۇ، ئولجىسىنىڭ بىلىكىنى ۋە بېشىنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ. ئۇ ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى زېمىننى تاللىدى. باشلىقنىڭ نېسىۋىسى ئۇنىڭغا قالدۇرۇپ قويۇلدى. ئىسرائىل ئاقساقاللىرى جەم بولغاندا، گاد پەرۋەردىگارنىڭ ئادالىتىنى ئىجرا قىلدى، ئەمر-پەرمانلىرىغا ئەمەل قىلدى.» مۇسا دان قەبىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دۇئا قىلدى: «دان قەبىلىسى شىرغا ئوخشاش باشاندىن سەكرەپ چىقىدۇ.» مۇسا نافتالى قەبىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دۇئا قىلدى: «ئەي نافتالىلار، سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ شەپقىتىگە نائىل بولۇپ، ئۇ بەرگەن بەختكە تولدۇرۇلىسىلەر، غەرب ۋە جەنۇبتىكى زېمىنلارغا ئىگە بولىسىلەر.» مۇسا ئاشېر قەبىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دۇئا قىلدى: «ئاشېرلار جامائەتنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ بەختلىكىدۇر، ئۇ قېرىنداشلىرىنىڭ شەپقىتىگە ئېرىشىدۇ، پۇتلىرى زەيتۇن يېغى بىلەن يۇيۇلىدۇ. شەھەر دەرۋازىسىنىڭ بالداقلىرى تۆمۈر ۋە تۇچ بولىدۇ. بىر ئۆمۈر كۈچ-قۇدرەتكە تولۇپ ئۆتىدۇ.» «ئەي ئىسرائىللار، خۇداغا ئوخشايدىغان بىرمۇ زات يوقتۇر، ئۇ بۇلۇتلارنى مىنىپ، سىلەرگە ياردەمگە كېلىدۇ، ئاسماندا ھەيۋىسىنى نامايان قىلىدۇ. ئەزەلدىن بار بولغان خۇدا سىلەرنىڭ باش پاناھىڭلاردۇر، ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك بىلىكى سىلەرنىڭ يۆلەنچۈكۈڭلاردۇر. ئۇ كۆز ئالدىڭلاردا دۈشمىنىڭلارنى قوغلاپ، ئۇلارنى ھالاك قىلىشقا بۇيرۇق بېرىدۇ. ئىسرائىللار بىخەتەر بولىدۇ، ياقۇپ ئەۋلادلىرى خاتىرجەملىكتە ياشايدۇ. زېمىنى ئاشلىق ۋە شارابقا مول بولىدۇ، ئاسماندىن چۈشكەن شەبنەم ئۇنى سۇغىرىدۇ. ئەي ئىسرائىللار، سىلەر نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! قايسى خەلق سىلەرگە ئوخشايدۇ؟ سىلەر پەرۋەردىگار تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلدۇڭلار، ئۇ سىلەرنىڭ قالقىنىڭلار ۋە ياردەمچىڭلاردۇر، سىلەرنىڭ شان-شەرەپلىك قىلىچىڭلاردۇر، دۈشمىنىڭلار قورقۇپ، سىلەرگە تىز پۈكىدۇ، سىلەر ئۇلارنىڭ دۈمبىلىرىنى دەسسەيسىلەر.» مۇسا موئاب تۈزلەڭلىكىدىكى نىبو تېغىغا كېلىپ، ئېرىخانىڭ قارشى تەرىپىدىكى پىسگاھ چوققىسىغا چىقتى. شۇ يەردە پەرۋەردىگار مۇساغا گىلئادتىن تاكى دانغىچە بولغان ئارىلىقتىكى پۈتۈن زېمىننى، پۈتۈن نافتالى، ئەفرايىم، ماناسسە زېمىنلىرىنى، ئوتتۇرا دېڭىزغىچە سوزۇلغان پۈتۈن يەھۇدا زېمىنلىرىنى، نەگېب چۆللۈكىنى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ۋادىسى، يەنى خورمىزارلىق شەھەر ئېرىخانىڭ تۈزلەڭلىكىدىن زوئارغىچە بولغان بارلىق يەرلەرنى كۆرسەتتى. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ مانا بۇلار مەن ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپلارغا: «بۇ زېمىنلارنى ئەۋلادلىرىڭلارغا ئاتا قىلىمەن» دەپ ۋەدە قىلغان زېمىنلاردۇر. ھازىر بۇ زېمىنلارنى ساڭا كۆرسەتتىم، لېكىن سەن دەريادىن ئۆتۈپ، ئۇ زېمىنغا كىرمەيسەن. خۇددى پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى بولغان مۇسا موئابتا ۋاپات بولدى. پەرۋەردىگار ئۇنى موئابتىكى بەيت-پىئورنىڭ قارشى تەرىپىدىكى بىر جىلغىغا دەپنە قىلدى. تاكى ھازىرغىچە ئۇنىڭ قەبرىسىنىڭ نەدىلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. مۇسا ۋاپات بولغان ۋاقتىدا 120 ياشتا ئىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى تېخى خىرەلەشمىگەن، تېنى مادارىدىن قالمىغانىدى. ئىسرائىللار موئاب تۈزلەڭلىكىدە مۇساغا ئاتاپ ئوتتۇز كۈن قارىلىق تۇتتى. مۇساغا ئاتالغان ھازا كۈنلىرى شۇنىڭ بىلەن تامام بولدى. مۇسا ھايات ۋاقتىدا، نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋانىڭ بېشىغا قوللىرىنى قويۇپ، ئۇنى يېتەكچى قىلىپ تەيىنلەنگەنىدى. خۇدا يوشۇۋاغا ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلغانىدى. شۇڭا ئىسرائىللار ئۇنىڭغا بويسۇندى ۋە ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغىنى بويىچە ئىش قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئىسرائىللار ئىچىدىن پەرۋەردىگار يۈزمۇيۈز سۆزلەشكەن مۇسادەك بىرمۇ پەيغەمبەر چىقىپ باقمىدى. ھېچكىم مۇساغا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن مىسىرغا بېرىپ، پۈتۈن زېمىندا، پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ئالدىدا مۆجىزە-كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ باقمىدى. پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئالدىدا ھېچكىم مۇساغا ئوخشاش قۇدرىتى، بۈيۈكلۈكى ۋە ئاجايىپ كارامىتىنى نامايان قىلىپ باقمىدى. پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر ۋاپات بولغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار نۇننىڭ ئوغلى، يەنى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ياردەمچىسى يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: _ مېنىڭ خىزمەتكارىم مۇسا ۋاپات بولدى. ئەمدى سەن بارلىق ئىسرائىل خەلقىنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنى مەن سىلەرگە ئاتا قىلماقچى بولغان زېمىنغا ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىق كۆرگىن. مەن مۇساغا قىلغان ۋەدەم بويىچە، سىلەرنىڭ ئايىغىڭلار تەگكەنلا زېمىننى سىلەرگە بېرىمەن. سىلەرنىڭ زېمىنىڭلار جەنۇبىي تەرەپتىكى چۆلدىن شىمال تەرەپتىكى لىۋان تاغلىرىغىچە، كۈنچىقىش تەرەپتىكى ئۇلۇغ فىرات دەرياسىدىن پۈتكۈل خىتلارنىڭ زېمىنىنى كېسىپ ئۆتۈپ، كۈنپېتىش تەرەپتىكى ئوتتۇرا دېڭىزغىچە كېڭىيىدۇ. سەن ھايات ۋاقتىڭدا ھېچكىم ساڭا قارشى چىقالمايدۇ. مەن مۇساغا قانداق يار بولغان بولسام، ساڭىمۇ شۇنداق يار بولىمەن. مەن سەندىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن ھەمدە سېنى تاشلىمايمەن. سەن قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول! چۈنكى، سەن ئۆز خەلقىڭنى مەن ئەجدادلىرىڭغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا ئېلىپ بارىسەن. سەن ئىنتايىن قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول! خىزمەتكارىم مۇسا ساڭا ئۆگەتكەن پۈتكۈل تەۋرات قانۇنىغا قەتئىي ئەمەل قىلىپ، ئۇنىڭدىن تېيىپ كەتمىسەڭلا، نەگىلا بارىدىكەنسەن ھەممە ئىشلىرىڭ يۈرۈشۈپ ماڭىدۇ. تەۋرات قانۇنى ئاغزىڭدىن چۈشمىسۇن، كېچە-كۈندۈز تەۋرات قانۇنى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ، ئۇنىڭدا يېزىلغانلارغا ئەمەل قىلغىن. شۇنداق قىلساڭ، بارلىق ئىشلىرىڭ يۈرۈشۈپ، ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. مەن ساڭا بۇيرۇغان ئەمەسمۇ! سەن قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول! قورقما ھەم چۈشكۈنلەشمە. چۈنكى سەن قەيەرگە بارساڭ، پەرۋەردىگارىڭ _ سەن ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا _ مەن ساڭا يار بولىمەن. شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا خەلقنىڭ سەردارلىرىغا بۇيرۇق بېرىپ: _ سىلەر ھەرقايسى قارارگاھلارنى ئارىلاپ، خەلققە: «ئوزۇق-تۈلۈكلىرىڭلارنى تەييارلاپ قويۇڭلار. ئۈچ كۈندىن كېيىن بىز پەرۋەردىگار _ بىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بىزگە ئاتا قىلماقچى بولغان زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ئۈچۈن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتىمىز» دەپ ئۇقتۇرۇش قىلىڭلار، _ دېدى. يوشۇۋا يەنە رۇبېن، گاد قەبىلىلىرى ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ھايات ۋاقتىدا سىلەرگە نېمىنى بۇيرۇغانلىقىنى بىلىسىلەر. مۇسا پەيغەمبەر مۇنداق دېگەنىدى: «پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق قىرغىقىدىكى بۇ زېمىننى سىلەرگە ماكانلىشىشقا ئاتا قىلدى.» سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلار، بالىلىرىڭلار ۋە مال-چارۋىلىرىڭلار مۇسا پەيغەمبەر سىلەرگە تەقسىم قىلىپ بەرگەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ قىرغىقىدىكى بۇ زېمىندا تۇرسا بولىدۇ. ئەمما بارلىق پالۋانلىرىڭلار قولىغا قورال-ياراغ ئېلىپ، قېرىنداش قەبىلىلەرنى باشلاپ دەريادىن ئۆتۈپ، ئۇلارغا ياردەمدە بولسۇن. پەرۋەردىگار قېرىنداش قەبىلىلەرنى سىلەرگە ئوخشاش ماكانلاشتۇرۇپ بولغۇچە، ئۇلارغا ياردەمدە بولۇڭلار. ئۇلارمۇ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئاتا قىلغان زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلغاندىن كېيىن، سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر سىلەرگە بەلگىلەپ بەرگەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا قايتساڭلار بولىدۇ. ئۇلار يوشۇۋاغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: _ سەن بىزگە نېمىنى بۇيرۇساڭ، بىز شۇنى بەجا كەلتۈرىمىز، نەگە ئەۋەتسەڭ شۇ يەرگە بارىمىز. بىز ساڭا مۇسا پەيغەمبەرگە بويسۇنغاندەك بويسۇنىمىز. پەرۋەردىگارىمىز _ خۇدا بۇرۇن مۇسا پەيغەمبەرگە يار بولغاندەك، ساڭىمۇ يار بولسۇن. كىم سېنىڭ سۆزلىرىڭگە قارشى چىقىدىكەن، بۇيرۇقلىرىڭغا بويسۇنمايدىكەن، ئۇ چوقۇم جېنىدىن جۇدا قىلىنسۇن. بىراق سەن قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول! نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ئۆز خەلقىنىڭ شىتتىمدىكى قارارگاھىدىن ئىككى چارلىغۇچىنى يوشۇرۇنچە ئەۋەتىپ، ئۇلارغا بۇيرۇق قىلىپ، مۇنداق دېدى: _ سىلەر بېرىپ كەنئان زېمىنىنى، بولۇپمۇ ئېرىخا شەھىرىنى چارلاپ كېلىڭلار. ئۇلار ئۇ يەرگە يېتىپ بېرىپ، راھاب ئىسىملىك بىر پاھىشە ئايالنىڭ ئۆيىگە چۈشۈپ، شۇ يەردە تۈنەپ قالدى. ئېرىخا شەھىرىنىڭ پادىشاھى ئىسرائىللارنىڭ بۇ زېمىننى چارلاشقا كېلىپ، ئاشۇ ئۆيدە تۇرۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئادەم ئەۋەتىپ، راھابقا: _ ئۆيۈڭگە كەلگەنلەرنى چىقىرىپ بەر! ئۇلار زېمىنىمىزنى چارلاش ئۈچۈن كەلگەنلەر، _ دېدى. ئەمما راھاب ئۇ ئىككىسىنى ئاللىقاچان يوشۇرۇپ قويغانىدى. ئۇ پادىشاھ ئەۋەتكەن ئادەملەرگە: _ شۇنداق، ئىككى ئادەمنىڭ كەلگەنلىكى راست، ئەمما ئۇلارنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىدىن خەۋىرىم يوق. گۇگۇم چۈشۈپ، شەھەر دەرۋازىسى تاقىلىدىغان چاغدا، ئۇ ئىككىسى چىقىپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكىنى بىلمەيمەن. سىلەر دەرھال قوغلىساڭلار، چوقۇم يېتىشىۋالىسىلەر، _ دېدى. (ئەمەلىيەتتە، راھاب ئۇلارنى ئاللىقاچان ئۆگزىدىكى دۆۋىلەپ قويۇلغان زىغىر پاخىلىغا يوشۇرۇپ قويغانىدى.) شۇنىڭ بىلەن، پادىشاھ ئەۋەتكەن ئادەملەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكىگە بارىدىغان يولدا ئۇلارنى قوغلىدى. قوغلاپ كەلگەنلەر شەھەردىن چىقىشى بىلەنلا، شەھەر دەرۋازىسى تاقالدى. راھاب ئىككى چارلىغۇچى ئۇخلاشتىن بۇرۇن، ئۆگزىگە چىقىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ مەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇ زېمىننى سىلەرگە ئاتا قىلغانلىقىنى بىلىمەن. سىلەر بىزنى بەكلا قورقۇتۇۋەتتىڭلار. بۇ زېمىندىكى بارلىق خەلق سىلەردىن قورقۇپ، يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ كەتتى. سىلەر مىسىردىن چىققاندا پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە قىزىل دېڭىزنى قۇرۇتۇپ بەرگەنلىكىدىن بىزنىڭ خەۋىرىمىز بار، يەنە سىلەرنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى ئامورلارنىڭ سىخون ۋە ئوگ دېگەن ئىككى پادىشاھىنى ۋە پۇقرالىرىنى تەلتۆكۈس يوقاتقانلىقىڭلاردىنمۇ خەۋەردارمىز. بىز بۇلارنى ئاڭلىغان ھامان قورقۇپ، جاسارىتىمىز يوقالدى. چۈنكى، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا پۈتۈن ئالەمنىڭ خۇداسىدۇر. ئۇ ئىككى چارلىغۇچى قەسەم بېرىپ مۇنداق دېدى: _ ئەگەر سەن بىزنىڭ ھەرىكىتىمىزنى ئاشكارىلاپ قويمىساڭلا، پەرۋەردىگار بىزگە ئاتا قىلغان بۇ زېمىن قولىمىزغا ئۆتكەن ھامان، بىز ساڭا بەرگەن ۋەدىمىزدە تۇرۇپ، مېھرىبانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز. ئەگەر بىز ۋەدىمىزدە تۇرمىساق، پەرۋەردىگار بىزنىڭ جېنىمىزنى ئالسۇن. سېپىل راھابنىڭ ئۆيىنىڭ پاسىل تېمى بولغاچقا، ئۇ ئارغامچا بىلەن ئۇ ئىككىسىنى دېرىزىدىن تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ قويۇپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ تاغ ئىچىگە كىرىپ كەتسەڭلار، قوغلاۋاتقانلار سىلەرنى تاپالمايدۇ. سىلەر شۇ يەردە ئۈچ كۈن يوشۇرۇنۇپ، ئۇلار شەھەرگە قايتقاندىن كېيىن، يولغا چىقىڭلار. ئۇ ئىككىسى مېڭىش ئالدىدا راھابقا: _ سەن چوقۇم بىز دېگەندەك قىلغىن، بولمىسا بىز ساڭا بەرگەن قەسىمىمىزگە ئىگە بولمايمىز. بىز بۇ يەرگە قايتىپ كەلگەندە، سەن چوقۇم بۇ قىزىل ئارغامچىنى بىزنى چۈشۈرۈپ قويغان دېرىزىگە باغلاپ قويغىن. سەن ئاتا-ئاناڭ، ئاكا-ئۇكىلىرىڭ ۋە بارلىق ئائىلە ئەزالىرىڭنى ئۆز ئۆيۈڭگە جەم قىلغىن. ئەگەر كىم بۇ ئۆيدىن ئايرىلىپ، جېنىدىن جۇدا بولسا، ئۇ ئۆزىنىڭ شورى، بىز ئۇنىڭغا ئىگە بولالمايمىز. ئەگەر سېنىڭ ئۆيۈڭدە بىرەرسىگە قول تەگكۈزۈپ قالسا، بۇنىڭغا بىز ئەيىبكار. لېكىن بىزنىڭ ھەرىكىتىمىز توغرۇلۇق بىرەرسىگە ئېغىز ئاچساڭ، ئۇنداقتا بىز قىلغان قەسەمدىن خالاس بولىمىز، _ دېدى. راھاب: _ بولىدۇ، شۇنداق بولسۇن! _ دېدى. راھاب ئۇلارنى يولغا سېلىپ قويغاندىن كېيىن، قىزىل ئارغامچىنى دېرىزىگە باغلاپ قويدى. بۇ ئىككى چارلىغۇچى تاغقا چىقىپ يوشۇرۇنۇۋالدى. قوغلىغۇچىلار ئۇلارنى يول بويى ئۈچ كۈن ئىزدەپ تاپالماي، ئېرىخا شەھىرىگە قايتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن چارلىغۇچىلار تاغدىن چۈشۈپ، دەريادىن ئۆتۈپ نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا بىلەن كۆرۈشۈپ، بېشىدىن ئۆتكەن ھەممە ئىشلارنى مەلۇم قىلدى. ئۇلار: _ پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن پۈتكۈل زېمىننى بىزگە ئاتا قىلىپتۇ. ئۇ يەردىكى ئادەملەر قورققىنىدىن يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ كېتىپتۇ! _ دېدى. ئەتىسى سەھەردە يوشۇۋا بىلەن بارلىق ئىسرائىل خەلقى شىتتىمدىكى قارارگاھىدىن قوزغىلىپ، ئىئوردان دەرياسى بويىغا كەلدى ۋە ئۇ يەردە قارارگاھ قۇرۇپ، دەريادىن ئۆتۈشنى كۈتۈپ تۇردى. ئۈچ كۈندىن كېيىن سەردارلار قارارگاھلارنى ئارىلاپ، خەلققە: _ سىلەر، لاۋىي قەبىلىسىنىڭ روھانىيلىرى پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغانلىقىنى كۆرگەن ھامان، چوقۇم قارارگاھىڭلاردىن ئايرىلىپ، ئۇلارغا ئەگىشىپ مېڭىڭلار. سىلەر بۇ يەرلەرگە كېلىپ باقمىغاچقا، ئۇلار ئالدىدا يول باشلاپ ماڭىدۇ. بىراق سىلەر ئەھدە ساندۇقىغا يېقىنلاشماي، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئىككى چاقىرىم ئارىلىق تاشلاپ مېڭىڭلار، _ دەپ تاپىلىدى ئۇقتۇردى. كېيىن يوشۇۋا خەلققە مۇنداق دېدى: _ سىلەر ئۆزۈڭلارنى پاكلاڭلار. ئەتە پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۇلۇغ مۆجىزە يارىتىدۇ. ئەتىسى ئەتىگەندە يوشۇۋا روھانىيلارغا مۇنداق دېدى: _ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ، خەلقنىڭ ئالدىدا مېڭىڭلار. شۇنىڭ بىلەن روھانىيلار ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ خەلقنىڭ ئالدىدا ماڭدى. پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: _ بۈگۈندىن باشلاپ سېنى ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا كۆككە كۆتۈرىمەن. شۇنداق بولغاندا، ئۇلار مەن مۇساغا يار بولغاندەك، ساڭىمۇ يار بولغانلىقىمنى بىلەلەيدۇ. سەن ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان روھانىيلارغا مېنىڭ ئەمرىمنى يەتكۈزگىن، ئۇلار ئىئوردان دەرياسى بويىغا كەلگەندە، دەريانىڭ ئىچىدە تۇرسۇن. كېيىن يوشۇۋا ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دېدى: _ كېلىڭلار، پەرۋەردىگار خۇدانىڭ سىلەرگە دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار. سىلەر مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ ئاراڭلاردا ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۇنىڭ سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا كەنئانلارنى، خىتلارنى، خىۋلارنى، پەرىززىلەرنى، گىرگاشلارنى، ئامورلارنى ۋە يىبۇسلارنى قانداق قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر. قاراڭلار، پۈتكۈل ئالەمنىڭ ئىگىسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى سىلەردىن بۇرۇن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. سىلەر ھازىر ئىسرائىللار ئىچىدىن، ھەربىر قەبىلىدىن بىردىن، جەمئىي 12 ئەرنى تاللاڭلار. پۈتكۈل ئالەمنىڭ ئىگىسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلارنىڭ ئايىغى سۇغا تەگكەن ھامان، يۇقىرى ئېقىندىن ئېقىپ كېلىۋاتقان دەريا سۈيى شۇ ھامان توختاپ، بىر يەرگە يىغىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خەلق قارارگاھلىرىدىن چىقىپ ئىئوردان دەرياسىغا قاراپ ماڭدى. ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار ئۇلاردىن بۇرۇن ماڭدى. ھوسۇل مەزگىلىدە ئىئوردان دەرياسى قىنىغا پاتماي، قىرغاقلاردىن تېشىپ ئاقاتتى. ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار دەريا بويىغا كېلىپ، دەريا سۈيىنى كېچىشى ھامان، يۇقىرى ئېقىندىن ئېقىپ كېلىۋاتقان سۇ شۇ ھامان ئېقىشتىن توختاپ، زارىتان دېگەن جايدىكى ئادام شەھىرىدىن خېلى يىراقتىكى بىر جايغا يىغىلىپ قالدى. ئۆلۈك دېڭىزى، يەنى تۇز دېڭىزىغا ئېقىۋاتقان تۆۋەنكى ئېقىن سۈيىمۇ پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن خەلق ئېرىخا شەھىرىگە يېقىن يەردە دەريادىن ئۆتتى. ئىسرائىل خەلقى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈۋاتقاندا، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار، قۇرۇپ كەتكەن دەريا ئوقۇرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆرە تۇرۇپ، پۈتكۈل خەلق دەريادىن ئۆتۈپ بولغۇچە ساقلاپ تۇردى. پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: _ سەن خەلق ئارىسىدىن ھەربىر قەبىلىدىن بىردىن، جەمئىي 12 ئەرنى تاللاپ، ئۇلارغا ئېيتقىن: «دەريانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى روھانىيلار ئۆرە تۇرغان يەردىن 12 تاشنى ئېلىپ، بۇ تاشلارنى بۈگۈن كەچتە سىلەر قارارگاھ قۇرىدىغان يەرگە ئېلىپ بارسۇن.» شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا ھەربىر قەبىلىدىن بىردىن، جەمئىي 12 ئەرنى تاللاپ، ئۇلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا بېرىڭلار ھەمدە ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ سانىغا ئاساسەن ھەربىرىڭلار دەريادىن بىردىن تاش ئېلىپ، يۈدۈپ كېلىپ، بۇ تاشلار بىلەن بىر ئابىدە تىكلەڭلەر. كەلگۈسىدە سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار سىلەردىن: «بۇ تاشلار نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟» دەپ سورىغاندا، سىلەر ئۇلارغا پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈلگەندە، دەريا سۈيىنىڭ ئېقىشتىن توختىغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىڭلار. بۇ تاشلار ئىسرائىل خەلقىگە، بۈگۈن بۇ يەردە نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى مەڭگۈ ئەسلىتىدۇ. تاللانغان بۇ 12 ئەر پەرۋەردىگارنىڭ يوشۇۋاغا دېگىنىدەك، يوشۇۋانىڭ ئەمرى بويىچە ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئىسرائىللارنىڭ 12 قەبىلىسى ئۈچۈن 12 تاشنى يۈدۈپ، يېڭى قۇرغان قارارگاھقا ئېلىپ كەلدى ۋە شۇ يەردە ئابىدە تىكلىدى. يوشۇۋامۇ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار ئۆرە تۇرغان يەرگە 12 تاش تىزىپ قويدى. بۇ تاشلار ھازىرمۇ ئاشۇ جايدا شۇ پېتى تۇرماقتا. پەرۋەردىگارنىڭ يوشۇۋا ئارقىلىق خەلققە قىلغان بارلىق ئەمرلىرى ئادا قىلىنىپ بولغۇچە، ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆرە تۇردى. بۇ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ يوشۇۋاغا ئىلگىرى بەرگەن يوليورۇقىدەك بولدى. خەلق تېزلا دەريادىن ئۆتكەنىدى. پۈتكۈل خەلق دەريادىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار دەريادىن چىقىپ، خەلق توپىنىڭ ئالدىغا ئۆتتى. رۇبېن ۋە گاد قەبىلىسى ھەم ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئېيتقىنى بويىچە قوراللىنىپ، قالغان خەلقتىن بۇرۇن دەريادىن ئۆتتى. ئۇرۇشقا تەييارلانغان 40‏ مىڭچە قوراللىق ئادەم دەريادىن ئۆتۈپ، ئېرىخا تۈزلەڭلىكىگە كەلدى. پەرۋەردىگار ئۇلارغا يار ئىدى. شۇ كۈنى پەرۋەردىگار يوشۇۋانى پۈتكۈل ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا كۆككە كۆتۈردى. خەلق مۇسا پەيغەمبەرنى قانداق ھۆرمەتلىگەن بولسا، يوشۇۋا ئالەمدىن ئۆتكۈچە ئۇمۇ شۇنداق ھۆرمەتلەندى. پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا: _ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلارغا دەريادىن چىقىشنى بۇيرۇغىن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلارغا دەريادىن چىقىشنى بۇيرۇدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار دەريادىن چىقىپ، قىرغاقنى دەسسىشى بىلەن تەڭ، دەريا سۈيى ئەسلى ھالىتىگە كېلىپ، تاشقىنلاپ ئاقتى. خەلق ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئېرىخا شەھىرىنىڭ شەرقىي تەرىپىنىڭ سىرتىدىكى گىلگالدا قارارگاھ قۇرغان ۋاقىت 1-ئاينىڭ 10-كۈنىگە توغرا كەلدى. يوشۇۋا ئىئوردان دەرياسىدىن ئېلىپ كېلىنگەن 12 تاشنى گىلگالدا ئابىدە قىلىپ تىكلىدى. يوشۇۋا ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دېدى: _ كەلگۈسىدە بالىلىرىڭلار سىلەردىن: «بۇ تاشلار نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟» دەپ سورىسا، سىلەر ئۇلارغا: «ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۈيى توختاپ، ئىسرائىل خەلقىنىڭ قۇرۇق دەريادىن ئۆتكەنلىكىنى» سۆزلەپ بېرىڭلار. پەرۋەردىگارىمىز خۇدا خۇددى بۇرۇن ئەجدادلىرىمىز قىزىل دېڭىزدىن ئۆتۈۋالغۇچە ئۇنىڭ سۈيىنى توختىتىپ بەرگەندەك، بىز ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈۋالغۇچە، ئۇنىڭ سۈيىنى توختىتىپ بەردى. پەرۋەردىگار يەر يۈزىدىكى بارچە خەلقنىڭ ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇدىرىتىنى تونۇپ يېتىشى ئۈچۈن، ھەمدە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىمىز خۇدادىن ھەر ۋاقىت قورقۇپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن شۇنداق قىلغانىدى. ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئامورلارنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى ۋە ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى كەنئاننىڭ بارلىق پادىشاھلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارنىڭ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈۋالغۇچە دەريا سۈيىنى قانداق قۇرۇتۇپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپ، قورقۇنچ ئىچىدە يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا ئىسرائىللارغا تاقابىل تۇرغۇدەك جاسارەت قالمىدى. بۇ چاغدا پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: _ سەن چاقماق تېشىنى پىچاق قىلىپ، ئىسرائىل خەلقىنىڭ بۇ يېڭى ئەۋلادىنىڭ خەتنىسىنى قىلغىن. شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا چاقماق تېشىدىن پىچاق ياساپ، «خەتنە مۇراسىم تېغى» دېگەن جايدا ئىسرائىللارنىڭ خەتنىسىنى قىلدۇردى. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىنىڭ سەۋەبى، ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، ئۇرۇش قىلالايدىغان ئەرلەرنىڭ ھەممىسى چۆل-باياۋانلاردىكى سەپەر ئۈستىدە ئۆلۈپ كەتتى. مىسىردىن چىققان ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى خەتنە قىلىنغانىدى، ئەمما چۆل-باياۋاندىكى سەپەر ئۈستىدە تۇغۇلغانلار خەتنە قىلىنمىغانىدى. ئۇلار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، بارلىق ئىسرائىللار ئىچىدىكى ئۇرۇش قىلالايدىغان ئەرلەرنىڭ ھەممىسى، تاكى ئۇلار ئۆلۈپ تۈگىگۈچە، قىرىق يىل چۆل-باياۋانلارنى كېزىپ، سەرگەردان بولۇپ يۈردى. پەرۋەردىگار ئۇلارغا: «مەن ئاتا-بوۋاڭلارغا ۋەدە قىلىپ، سىلەرگە بېرىمەن دېگەن سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان مۇنبەت زېمىننى ھېچقاچان كۆرمەيسىلەر!» دەپ قەسەم قىلغانىدى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى شۇ زېمىنغا يەتكۈزدى. يوشۇۋا مانا شۇلارنىڭ خەتنىسىنى قىلدى. ئىلگىرى ئۇلار سەپەر ئۈستىدە بولغانلىقتىن خەتنە قىلىنمىغانىدى. بارلىق ئەرلەرنىڭ خەتنىسى قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇلار ساقايغۇچە شۇ قارارگاھتا تۇردى. پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: _ بۈگۈن مەن سىلەردىن مىسىردا تارتقان خورلۇقۇڭلارنى ئېلىپ تاشلىدىم. شۇڭا ئۇ يەر ھازىرمۇ يەنىلا «گىلگال» دەپ ئاتالماقتا. شۇ ئاينىڭ 14-كۈنى كەچتە ئىسرائىللار ئېرىخا تۈزلەڭلىكىدىكى گىلگالدا قۇرغان قارارگاھتا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزدى. ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتۈپ ئىككىنچى كۈنى، ئۇلار شۇ يەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن پېتىر نان ۋە قوماچنى يېيىشتى. ئىسرائىل خەلقى شۇ زېمىننىڭ ئاشلىقلىرىنى يېگەن كۈندىن باشلاپ، ماننا چۈشۈرۈلۈشتىن توختىدى. شۇ يىلدىن باشلاپ ئۇلار ماننانى ئەمەس، كەنئاندىن چىقىدىغان ئاشلىقنى يەيدىغان بولدى. يوشۇۋا ئېرىخا شەھىرىگە يېقىنلاپ قالغان چاغدا، قولىدا غىلىپىدىن سۇغۇرۇلغان قىلىچنى تۇتقان بىر كىشىنى كۆردى. يوشۇۋا ئۇنىڭدىن: _ سەن بىز تەرەپنىڭكىمۇ ياكى دۈشمەن تەرەپنىڭكىمۇ؟ _ دەپ سورىدى. ئۇ ئادەم جاۋابەن: _ ھېچقايسى تەرەپنىڭ ئەمەس، مەن پەرۋەردىگارنىڭ قوشۇنىغا سەركەردە بولۇشقا كەلدىم، _ دېدى. ئاندىن يوشۇۋا يەرگە باش قويۇپ، تەزىم قىلىپ: _ تەقسىر، خىزمەتكارلىرىغا نېمە بۇيرۇقلىرى باركىن؟ _ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار قوشۇنىنىڭ سەركەردىسى ئۇنىڭغا: _ سەن دەسسەپ تۇرغان يەر مۇقەددەس يەردۇر، شۇڭا چورۇقۇڭنى سال! _ دېدى. يوشۇۋا ئۇنىڭ دېگىنىنى بەجا كەلتۈردى. ئىسرائىللارنىڭ ۋەھىمىسىدىن ئېرىخا شەھىرىنىڭ دەرۋازىسى مەھكەم ئېتىلگەن بولۇپ، ھېچكىمنىڭ كىرىپ-چىقىشىغا يول قويۇلمىغانىدى. پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: _ قارا، مەن ئېرىخا شەھىرىنى ئۇنىڭ پادىشاھى ۋە جەسۇر لەشكەرلىرى بىلەن قوشۇپ ھەممىسىنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. سەن لەشكەر تارتىپ، سېپىلنى كۈنىگە بىر قېتىمدىن، جەمئىي ئالتە كۈن ئايلىنىپ چىققىن. يەتتە روھانىي قوچقار مۈڭگۈزىدىن ياسالغان بۇرغىلارنى ئېلىپ، ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا ماڭسۇن. يەتتىنچى كۈنى روھانىيلار بۇرغىلارنى چالغان ھالدا شەھەرنى يەتتە قېتىم ئايلانسۇن. سىلەر ئۇلارنىڭ ئۇزۇن سادا چىقىرىپ چالغان بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىڭلاردا، پۈتكۈل خەلق يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىرىسۇن. شۇ ھامان شەھەر سېپىلى ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ، شۇ چاغدا بارلىق خەلق شەھەرگە ئۇدۇل بېسىپ كىرسۇن. نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا روھانىيلارغا چاقىرىق قىلىپ: _ سىلەر ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈڭلار، يەتتىڭلار ئۇنىڭ ئالدىدا بۇرغىلارنى ئېلىپ مېڭىڭلار، _ دېدى. ئاندىن يوشۇۋا خەلققە ئەمر قىلىپ: _ ئاتلىنىڭلار! قوراللانغان لەشكەرلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا ماڭسۇن، شەھەر سېپىلىنى چۆرگۈلەپ ئايلىنىڭلار. يوشۇۋا خەلققە ئەمر قىلغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا يەتتە بۇرغىنى چېلىپ ماڭغان يەتتە روھانىي ئالغا قاراپ ماڭدى. ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان روھانىيلار ئۇلارغا ئەگىشىپ ماڭدى. قوراللانغان لەشكەرلەر بۇرغا چالغان روھانىيلارنىڭ ئالدىدا ماڭدى، قالغان لەشكەرلەر ئەھدە ساندۇقىنىڭ كەينىدىن ماڭدى، بۇرغا توختىماي چېلىندى. يوشۇۋا خەلققە مۇنداق ئەمر قىلغانىدى: «ئاۋاز چىقارماڭلار، سۈرەن سالماڭلار. مەن ۋارقىراڭلار دېمىگۈچە، زۇۋان سۈرمەڭلار. ئەمر چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن ۋارقىراڭلار.» ئۇلار يوشۇۋانىڭ ئەمرىگە بىنائەن ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ، شەھەر سېپىلىنى چۆرگۈلەپ ئايلاندى. ئاندىن قارارگاھقا قايتىپ كېلىپ تۈنىدى. يوشۇۋا ئەتىسى ئورنىدىن سەھەر تۇردى. روھانىيلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈردى. يەتتە بۇرغىنى چېلىپ ماڭغان يەتتە روھانىي پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا ئالغا قاراپ يۈرۈش قىلدى. بۇرغىلار توختىماي چېلىنىۋاتقاندا، قوراللانغان لەشكەرلەر روھانىيلارنىڭ ئالدىدا ماڭدى، قالغان لەشكەرلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ كەينىدىن ماڭدى. شۇنداق قىلىپ ئىككىنچى كۈنى خەلق شەھەر سىپىلىنى يەنە بىر قېتىم چۆرگۈلەپ ئايلىنىپ، قارارگاھقا قايتىپ كەلدى. ئۇلار ئۇدا ئالتە كۈن شۇنداق قىلدى. يەتتىنچى كۈنى تاڭ سەھەردە ئىسرائىللار تاڭ يورۇشى بىلەنلا ئورنىدىن تۇرۇپ، كۈندىكىدەك شەھەر سېپىلىنى چۆرگۈلەپ يۈرۈش قىلدى. ئەمما بۇ قېتىم يەتتە قېتىم ئايلىنىپ چىقتى. يەتتىنچى قېتىملىق ئايلىنىشتا روھانىيلار بۇرغىنى چالغان چاغدا، يوشۇۋا خەلققە مۇنداق دەپ بۇيرۇق بەردى: _ ۋارقىراڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار بۇ شەھەرنى سىلەرگە ئاتا قىلىپ بەردى. ئېرىخا شەھىرى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق نەرسىلەرنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ تەلتۆكۈس يوقىتىڭلار. پەقەت پاھىشە راھاب ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى، بىزنىڭ چارلىغۇچىلىرىمىزنى يوشۇرۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، تىرىك قالدۇرۇڭلار. سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتاپ تەلتۆكۈس يوقىتىدىغان ھەرقانداق بىر نەرسىنى ئېلىۋالغۇچى بولماڭلار. ئەگەر ئۇ نەرسىلەرنى قارارگاھىمىزغا ئېلىپ كەلسەڭلار، ئىسرائىللارغا زور بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىسىلەر. بارلىق ئالتۇن-كۈمۈش، تۇچ ۋە تۆمۈرلەردىن ياسالغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارغا تەۋە، ئۇلار چوقۇم پەرۋەردىگارنىڭ خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلۇشى كېرەك. روھانىيلار بۇرغا چالغاندا، خەلق ۋارقىرىدى. بۇرغا ساداسى ياڭرىغان ۋە خەلق ۋارقىرىغاندا، سېپىل ئۆرۈلدى ۋە خەلق شەھەرگە ئۇدۇل بېسىپ كىرىپ، ئېرىخا شەھىرىنى ئالدى. ئۇلار شەھەردىكى بارلىق ئەر-ئايال، قېرى-ياش، كالا-قوي، ئېشەكلەرنى قىلىچ بىلەن تەلتۆكۈس يوقاتتى. يوشۇۋا ھېلىقى ئىككى چارلىغۇچىغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر پاھىشىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭغا بەرگەن قەسىمىڭلەر بويىچە، ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ كېلىڭلار. ئۇلار ئىككىسى راھابنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنى، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە بارلىق قېرىنداشلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى ئىسرائىللارنىڭ قارارگاھىنىڭ سىرتىدىكى بىر بىخەتەر يەرگە ئورۇنلاشتۇردى. ئاندىن كېيىن ئىسرائىللار ئېرىخا شەھىرىنى ۋە شەھەردىكى بارلىق نەرسىلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى. پەقەت ئالتۇن-كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈرلەردىن ياسالغان نەرسىلەر ئېلىپ كېلىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلدى. يوشۇۋا پاھىشە ئايال راھاب ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالدى، چۈنكى ئۇ، يوشۇۋا ئېرىخا شەھىرىنى چارلاشقا ئەۋەتكەن ئادەملەرنى يوشۇرۇپ قالغانىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ راھاب ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تاكى ھازىرغىچە ئىسرائىللار ئارىسىدا ياشاپ قالدى. شۇندىن كېيىن يوشۇۋا قارغىش ياغىدىغان ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى: «كىمكى ئېرىخا شەھىرىنى قۇرۇشقا ئۇرۇنىدىكەن، پەرۋەردىگار شۇنىڭغا لەنەت ياغدۇرىدۇ. كىمكى شەھەرنىڭ ئۇلىنى سالىدىكەن، ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى قازا قىلىدۇ. كىمكى شەھەرنىڭ دەرۋازىسىنى ئورنىتىدىكەن، ئۇ كەنجى ئوغلىدىن ئايرىلىدۇ.» پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا يار بولغاچقا، يوشۇۋانىڭ شۆھرىتى پۈتكۈل زېمىنغا تارقالدى. ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ تەلتۆكۈس يوقىتىلىدىغان نەرسىلەردە ساداقەتسىزلىك قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزدى. ئاكان ئىسىملىك بىر كىشى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نەرسىلەردىن بىر قىسمىنى تىقىۋالدى، شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئىسرائىللاردىن ئىنتايىن غەزەپلەندى. ئاكان بولسا يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان زەراخنىڭ ئوغلى زابدىنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، كارمىنىڭ ئوغلى ئىدى. يوشۇۋا بىرنەچچە ئادەمنى ئېرىخا شەھىرىدىن بەيتەل شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى بەيتئاۋەن شەھىرىگە يېقىن ئاي شەھىرىگە ئەۋەتتى. يوشۇۋا ئۇلارغا: _ سىلەر بۇ زېمىنگە بېرىپ چارلاپ كېلىڭلار، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىلەر ئاي شەھىرىنى چارلاپ كېلىشكە يۈرۈپ كەتتى. ئۇلار قايتىپ كېلىپ، يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: _ ئاي شەھىرىنىڭ ئادىمى ئاز ئىكەن، شۇڭا بارلىق ئادىمىمىزنىڭ ھۇجۇمغا ئۆتۈشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن، پەقەت ئىككى-ئۈچ مىڭ ئادەم بارسىلا ئۇ شەھەرنى ئىشغال قىلغىلى بولغۇدەك. ئادەملىرىمىزنىڭ ھەممىسى بېرىپ، ئاۋارە بولمىسۇن! شۇنىڭ بىلەن ئاي شەھىرىگە ئىسرائىللاردىن تەخمىنەن ئۈچ مىڭ ئادەملا باردى. بىراق ئاي شەھىرىنىڭ ئادەملىرى ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ قوغلىۋەتتى. ئاي شەھىرىنىڭ ئادەملىرى ئىسرائىللارنى شەھەر دەرۋازىسىدىن تاش قېزىش ئورنىغىچە قوغلاپ-سۈرۈپ بېرىپ، ئىسرائىللار دۆڭلۈكتىن تۆۋەن تەرەپگە چېكىنىۋاتقاندا تەخمىنەن 36 ئادىمىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. بۇنى كۆرۈپ ئىسرائىللار ئىنتايىن قورقۇپ، يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ كەتتى. يوشۇۋا ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئىنتايىن قايغۇردى. ئۇلار كىيىملىرىنى يىرتىشىپ، باشلىرىغا توپا چېچىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا يۈزىنى يەرگە يېقىپ دۈم ياتتى. ئۇلار گۇگۇم چۈشكۈچە شۇنداق قىلدى. ئاندىن يوشۇۋا مۇنداق دېدى: _ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار! سەن نېمە ئۈچۈن بىزنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈپ ئامورلارنىڭ قولى بىلەن ۋەيران قىلماقچى بولىسەن؟ بۇنىڭدىن كۆرە، بىزنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدا ياشىغىنىمىز ئەۋزەل ئەمەسمىدى! ئى ئىگەم! ئىسرائىللار دۈشمەندىن قېچىپ كەلدى. ئەمدى مەن نېمە دېيەلەيمەن؟ بۇنىڭدىن كەنئانلىقلار ۋە بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان بارلىق خەلق خەۋەر تاپىدۇ. ئەمدى ئۇلار بىزنى قورشايدۇ ۋە نامىمىزنى يەر يۈزىدىن يوق قىلىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇلۇغ نامىڭنى قانداق قوغداپ قالىسەن؟ پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: _ ئورنۇڭدىن تۇر! سەن نېمە ئۈچۈن يۈزۈڭنى يەرگە يېقىپ، دۈم ياتىسەن؟ ئىسرائىللار ئۆزلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدەمگە خىلاپلىق قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزدى. ئۇلار يالغانچىلىق قىلىپ، ماڭا ئاتاپ تەلتۆكۈس يوقىتىلىدىغان نەرسىلەرنى ئۆز بىساتىغا قوشۇۋېلىپ، خىيانەت قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسرائىللار دۈشمەنلىرىگە تاقابىل تۇرالماي، ئۇلاردىن يېڭىلىپ، ئارقىسغا قاراپ قاچتى. ھازىر ئىسرائىللارنىڭ ئۆزى ھالاكەتكە يۈزلەندى. سىلەر تىقىۋالغان نەرسىلەرنى يوقاتمىغۇچە، مەن سىلەرگە يار بولمايمەن. ئورنۇڭدىن تۇر! ئەمدى ئىسرائىل خەلقىنى پاكلا. ئۇلارغا: «ئۆزۈڭلارنى ئەتىكى كۈن ئۈچۈن تەييارلاپ، پاكلاڭلار. پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا: ‹ئەي ئىسرائىللار، ماڭا ئاتالغان نەرسىلەرنى تىقىۋالدىڭلار! سىلەر بۇ نەرسىلەرنى يوقاتمىغۇچە دۈشمىنىڭلارغا تاقابىل تۇرالمايسىلەر!› دەيدۇ» دېگىن. ئەتىگەندە سىلەر قەبىلىلەر بويىچە جەم بولۇڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار كۆرسەتكەن قەبىلە، ئۆز جەمەتلىرى بىلەن ئالدىغا چىقسۇن. پەرۋەردىگار كۆرسەتكەن جەمەت، ئۆز ئائىلىلىرى بويىچە ئالدىغا چىقسۇن. پەرۋەردىگار كۆرسەتكەن ئائىلە، ئائىلە ئەزالىرى بىلەن ئالدىغا چىقسۇن. پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نەرسىلەرگە خىيانەت قىلغان كىشى، شۇ نەرسىلەر بىلەن بىرگە كۆيدۈرۈلسۇن. چۈنكى ئۇ ئىسرائىللار ئارىسىدا شەرمەندە ئىش قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدىسىنى بۇزدى. ئەتىسى ئەتىگەندە يوشۇۋا ئىسرائىل قەبىلىلىرىنى يىغدى، ئۇلاردىن يەھۇدا قەبىلىسى تاللاندى. شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا قەبىلىسىدىكى جەمەتلەر ئالدىغا چىقتى، بۇلاردىن زەراخ جەمەتى تاللاندى. ئاندىن كېيىن زەراخ جەمەتى ئائىلىلىرى بىلەن ئالدىغا چىقتى، ئۇلاردىن زابدى ئائىلىسى تاللاندى. ئاندىن زابدى ئائىلىسىنىڭ ئادەملىرى بىر-بىرلەپ ئالدىغا چىقتى، بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئاكان تاللاندى. ئاكان بولسا يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان كارمىنىڭ ئوغلى ئىدى. كارمى بولسا زابدىنىڭ ئوغلى، زابدى بولسا زەراخنىڭ ئوغلى ئىدى. يوشۇۋا ئاكانغا: _ ئوغلۇم، راست گەپ قىلىپ، خۇدانىڭ _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يۈزىمىزنى يورۇق قىلغىن. ماڭا نېمە ئىش قىلغىنىڭنى يوشۇرماي ئېيتقىن، _ دېدى. ئاكان ئىقرار قىلىپ يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: _ راست ئېيتتىڭ، مەن ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ ئۆتكۈزدۈم. مەن ئۇرۇشتا ئالغان ئولجىلارنىڭ ئىچىدە بابىلنىڭ بىر چىرايلىق تونى، بەش قاداق كۈمۈش ۋە ئېغىرلىقى بىر قاداقتىن ئاشىدىغان چوكا ئالتۇننى كۆرگىنىمدە، ئۇلارنى ئېلىۋالغۇم كەلدى. ئۇلار ھازىر چېدىرىمنىڭ ئىچىدە كۈمۈش بىلەن بىرگە يەرگە كۆمۈكلۈك. يوشۇۋا ئاكاننىڭ چېدىرىغا ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلار تېز بېرىپ، ئاكاننىڭ چېدىرىدىن يوشۇرۇلغان نەرسىلەرنى تاپتى، كۈمۈشمۇ شۇ نەرسىلەرنىڭ ئاستىدا ئىدى. ئۇلار ئۇ نەرسىلەرنى يوشۇۋا ۋە بارلىق ئىسرائىللارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يايدى. ئاندىن يوشۇۋا بىلەن بارلىق ئىسرائىل خەلقى زەراخنىڭ ئوغلى ئاكاننى، كۈمۈش، چوكا ئالتۇن، تون، ئوغۇل-قىزلىرى، كالا-قوي، ئېشەك، چېدىرى ۋە بار بىساتى بىلەن «بالايىئاپەت جىلغىسى»غا ئېلىپ كەلدى. ئاندىن يوشۇۋا ئاكانغا: _ سەن نېمە ئۈچۈن بىزگە بۇ بالايىئاپەتنى ئېلىپ كېلىسەن؟ ئەمدى پەرۋەردىگار ساڭا بالا-قازا ئېلىپ كېلىدۇ، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئىسرائىل خەلقى ئاكان ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى ۋە ئۇلارنىڭ جەسىتىنى كۆيدۈرۈۋەتتى ھەمدە قالدۇقلىرىنىڭ ئۈستىگە تاشلارنى دۆۋىلەپ قويدى. ئۇ دۆۋىلەنگەن تاشلار ھازىرمۇ شۇ يەردە بار. مانا بۇ شۇ جىلغىنىڭ «بالايىئاپەت جىلغىسى» دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى. شۇنىڭدىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا بولغان غەزىپى ياندى. پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: _ ھەرگىز قورقماڭلار ھەم ھودۇقماڭلار! سەن بارلىق لەشكەرلىرىڭنى ئېلىپ ئاي شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغىن. مەن ئاي پادىشاھىنى، ئۇنىڭ خەلقىنى، شەھىرىنى ۋە ئۇنىڭ زېمىنىنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن. سىلەر ئېرىخا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ پادىشاھىنى قانداق ئىشغال قىلغان بولساڭلار، ئاي شەھىرى ۋە ئۇنىڭ پادىشاھىنىمۇ شۇنداق قىلىڭلار. بىراق بۇ قېتىم سىلەر ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈك ۋە مال-چارۋىلىرىنى ئولجا ئالساڭلار بولىدۇ. شەھەرنىڭ كەينى تەرىپىگە مۆكتۈرمە قويۇڭلار. شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا ۋە پۈتۈن قوشۇن ئاي شەھىرىگە ھۇجۇمغا ئاتلاندى. يوشۇۋا 30 مىڭ لەشكەرنى تاللاپ، ئۇلارنى تۈندە يولغا سالدى. يوشۇۋا ئۇلارغا بۇيرۇق قىلىپ، مۇنداق دېدى: _ شەھەرنىڭ ئارقا تەرىپىگە يېقىن بولغان يەرگە مۆكتۈرمە قويۇپ، ھەممىڭلار ھەرىكەت قىلىشقا تەييار تۇرۇڭلار. مەن قالغان ئادەملەر بىلەن شەھەرگە يېقىنلاپ كېلىمەن. خۇددى بىرىنچى قېتىمقىغا ئوخشاش، ئۇلار شەھەردىن چىقىپ بىزگە ھۇجۇم قىلغاندا، بىز ئۇلاردىن قاچىمىز. ئۇلار بىزنى ئىز بېسىپ قوغلاپ كەلگەندە، بىز قېچىپ، ئۇلارنى شەھەردىن ئالداپ ئېلىپ چىقىمىز. بىز ئۇلاردىن قاچقاندا، ئۇلار: «ئىسرائىللار بۇرۇنقىدەك بىزدىن قاچتى» دەيدۇ. سىلەر بۇ چاغدا يوشۇرۇنغان جايىڭلاردىن چىقىپ، شەھەرنى ئىگىلەڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بۇ شەھەرنى قولۇڭلارغا تاپشۇرىدۇ. سىلەر شەھەرنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنى بويىچە شەھەرگە ئوت قويۇڭلار. بۇ مېنىڭ سىلەرگە قىلغان ئەمرىم. شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا ئۇلارنى يولغا سالدى. ئۇلار ئاي شەھىرىنىڭ غەربىگە _ بەيتەل شەھىرى بىلەن ئاي شەھىرىنىڭ ئارىلىقىدا مۆكتۈرمە قۇرۇپ، ئاشۇ يەرگە يوشۇرۇندى. يوشۇۋا تۈننى لەشكەرلەر بىلەن بىللە ئۆتكۈزدى. ئەتىسى تاڭ سەھەردە يوشۇۋا لەشكەرلىرىنى سەپكە تىزدى. ئاندىن يوشۇۋا ئىسرائىل ئاقساقاللىرى بىلەن بىرگە ئۇلارنى باشلاپ ئاي شەھىرىگە ئاتلاندى. يۈرۈش قىلىپ كەلگەن ئىسرائىل قوشۇنى ئاي شەھىرىگە يېقىن كېلىپ، ئاي شەھىرىنىڭ شىمالىدا قارارگاھ قۇردى. قوشۇن بىلەن شەھەر ئوتتۇرىسىدا بىر جىلغا بار ئىدى. يوشۇۋا تەخمىنەن 5 مىڭ لەشكەرنى ئاي شەھىرىنىڭ غەربىدىكى بەيتەل بىلەن ئاي شەھىرىنىڭ ئارىلىقىغا مۆكتۈرمىگە قويدى. شۇنداق قىلىپ، ئاساسلىق قوشۇن شەھەرنىڭ شىمالىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، قالغانلار شەھەرنىڭ غەربىگە مۆكتۈرۈلدى. يوشۇۋا شۇ كېچىنى جىلغىدا ئۆتكۈزدى. ئاي شەھىرىنىڭ پادىشاھى شەھەرنىڭ شىمالىدىكى قوشۇننى كۆرۈپ، تاڭ سەھەردە ئۆز قوشۇنىنى باشلاپ، ئالدىراپ-تېنەپ شەھەردىن چىقىپ جىلغىدىكى ئىسرائىللارغا ھۇجۇم قىلدى. ئەمما ئۇ، شەھەرنىڭ كەينىدىكى بۆكتۈرمىدە قوشۇن بارلىقىنى بىلمەيتتى. يوشۇۋا ۋە ئىسرائىل قوشۇنى مەغلۇپ بولغان ھالەتكە كىرىۋېلىپ، دالاغا قاراپ قاچتى. شەھەردىكى ھەممە ئادەم ئۇلارنى قوغلاشقا چاقىرىلدى. ئۇلار ئىسرائىللارنى قوغلاۋېرىپ، شەھەردىن يىراقلىشىپ كەتتى. ئاي شەھىرى ۋە بەيتەل شەھىرىدە ئىسرائىللارنى قوغلىمىغان بىرمۇ ئادەم قالمىدى. ئۇلار ئىسرائىللارنى قوغلاپ، شەھەرنى قۇرۇق تاشلاپ قويدى. بۇ چاغدا پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا: _ سەن قولۇڭدىكى نەيزىنى ئاي شەھىرىگە قاراتقىن، مەن شەھەرنى سىلەرگە بەردىم، _ دېدى. يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىنى بەجا كەلتۈردى. يوشۇۋا شۇنداق قىلغان ھامان، بۆكتۈرمىدىكى قوشۇن يوشۇرۇنغان يېرىدىن چىقىپ، شەھەرگە يوپۇرۇلۇپ كىردى. ئۇلار تېزلىكتە شەھەرنى ئىگىلەپ، ئۇنىڭغا ئوت قويدى. ئاي شەھىرىنىڭ لەشكەرلىرى ئارقىسىغا قارىۋىدى، شەھەردىن چىققان ئىس-تۈتەكنى كۆردى. ئۇلارنىڭ يا ئۇ ياققا، يا بۇ ياققا قېچىش ئىمكانىيىتى قالمىغانىدى، چۈنكى دالاغا قېچىۋاتقان ئىسرائىللار ئەمدى كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئۇلارغا قارشى ئاتلانغانىدى. يوشۇۋا ۋە پۈتۈن ئىسرائىل لەشكەرلىرى بۆكتۈرمىدىكى قوشۇننىڭ شەھەرنى ئىگىلەپ، شەھەرگە ئوت قويۇۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئاي شەھىرىنىڭ ئادەملىرىگە ھۇجۇم قىلدى. بۇ چاغدا، شەھەرنى ئىگىلىگەن ئىسرائىل قوشۇنى شەھەردىن چىقىپ، ئاينىڭ ئادەملىرىگە قارشى ئاتلاندى. شۇنىڭ بىلەن ئاي شەھىرىنىڭ ئادەملىرى ئالدى-كەينىدىكى ئىسرائىل قوشۇنىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قاپسىلىپ قالدى. ئىسرائىللارنىڭ ھۇجۇمىدا ئۇلاردىن ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالماي، بىرەرسىمۇ ئامان قالمىدى. پەقەت ئاينىڭ پادىشاھىلا تىرىك ھالدا يوشۇۋانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى. ئىسرائىللار دالادا ئۆزلىرىنى قوغلاپ كەلگەن ئاي شەھىرىنىڭ ئادەملىرىنىڭ ھەممىسىنى قىلىچ بىلەن قىرىپ تاشلىغاندىن كېيىن، ئاي شەھىرىگە كىرىپ، ئۇ يەردە قېلىپ قالغانلارنى قىرىپ تاشلىدى. شۇ كۈنى ئاي شەھەرىنىڭ بارلىق خەلقى قىرغىن قىلىندى. ئۇلار ئەر-ئايال بولۇپ 12 مىڭ ئادەم ئىدى. يوشۇۋا ئاي شەھىرىدە ياشايدىغان بارلىق خەلق تەلتۆكۈس يوقىتىلغۇچە نەيزىسىنى قولىدىن چۈشۈرمىدى. پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا بۇيرۇغاندەك، ئىسرائىللار شەھەردىكى مال-مۈلۈك ۋە مال-چارۋىلارنى ئولجا ئالدى. يوشۇۋا ئاي شەھىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلاپ، مەڭگۈلۈك خارابىلىققا ئايلاندۇردى. بۇ خارابىلىق ھازىرغىچە شۇنداق تۇرماقتا. يوشۇۋا ئاي پادىشاھىنىڭ جەسىتىنى گۇگۇم چۈشكۈچە دەرەخكە ئېسىپ قويدى. قوياش پاتقاندا يوشۇۋا جەسەتنى دەرەختىن چۈشۈرۈشكە بۇيرۇق قىلدى. ئۇلار پادىشاھنىڭ جەسىتىنى شەھەر دەرۋازىسى ئالدىغا تاشلاپ قويدى ۋە جەسەتنىڭ ئۈستىگە تاش دۆۋىلەپ قويدى. بۇ تاش دۆۋىسى بۈگۈنگىچە شۇ يەردىدۇر. يوشۇۋا ئېبال تېغىدا پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ئاتاپ بىر قوربانلىق سۇپىسى ياسىدى. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدا ئىسرائىللارغا بۇيرۇغىنىدەك: «يونۇلمىغان، تۆمۈر ئەسۋابلار تەگمىگەن تاشلاردا ماڭا بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساڭلار» دېگەن كۆرسەتمە بويىچە بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىدى. ئاندىن ئۇ قۇربانلىق سۇپىسىدا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرى قىلدى. يوشۇۋا ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىنى تاشلارغا كۆچۈرۈپ ئويدى. بارلىق ئىسرائىللار، جۈملىدىن ئاقساقاللار، سەردارلار، سوتچىلار، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى يات خەلقلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئۇنى كۆتۈرگەن لاۋىيلارغا يۈزلىنىپ تۇردى. ئۇلارنىڭ يېرىمى گىرىزىم تېغىغا، قالغان يېرىمى ئېبال تېغىغا ئارقىسىنى قىلىپ تۇردى. بۇلار، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ھايات ۋاقتىدا: «ئىسرائىل خەلقىگە بەخت تىلەڭلار» دېگەن كۆرسەتمىسى بويىچە بولدى. كېيىن يوشۇۋا پۈتكۈل تەۋرات قانۇنىنى، جۈملىدىن ئۇنىڭدا يېزىلغان بەخت تىلەش ۋە لەنەت ئوقۇشقا دائىر پارچىلارنى ئۈنلۈك ئوقۇدى. يوشۇۋا شۇ يەرگە توپلانغان ئىسرائىل خەلقىگە، جۈملىدىن ئاياللار، بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشايدىغان يات خەلقلەرگە مۇسا پەيغەمبەرنىڭ قانۇندىكى بارلىق بۇيرۇغانلىرىنى قالدۇرماي ئوقۇپ بەردى. ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلاردا، غەربىي ئېدىرلىقلاردا ھەمدە لىۋان تاغلىرىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدا ياشاۋاتقان بارلىق پادىشاھلار، يەنى خىت، ئامور، كەنئان، پەرىززى، خىۋ، يىبۇس پادىشاھلىرى ئېرىخا شەھىرى ۋە ئاي شەھىرىدە بولغان ئىشلارنى ئاڭلىدى. بۇ پادىشاھلار قوشۇنلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، يوشۇۋا باشچىلىقىدىكى ئىسرائىللارغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئاتلاندى. گىبئون شەھىرىدە ياشايدىغان خىۋلارمۇ يوشۇۋانىڭ ئېرىخا شەھىرى ۋە ئاي شەھىرىدە قىلغان ئىشلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلار گىلگالدا تۇرۇۋاتقان ئىسرائىللارنىڭ قارارگاھىغا كېلىپ، يوشۇۋا ۋە ئىسرائىللارغا: _ بىز يىراق بىر جايدىن سىلەر بىلەن تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ كەلدۇق، _ دېدى. ئىسرائىللار گىبئون شەھىرىدە ياشايدىغان بۇ خىۋلارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: _ سىلەر بەلكىم مۇشۇ يەردە ياشايدىغان پۇقرالار بولۇشۇڭلار مۇمكىن. ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، بىز سىلەر بىلەن قانداقمۇ تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزەلەيمىز. _ بىز سىلەرنىڭ خىزمەتكارىڭلار، _ دېدى ئۇلار جاۋابەن. ئەمما يوشۇۋا: _ سىلەر كىم؟ زادى قەيەردىن كەلدىڭلار؟ _ دەپ يەنە قايتىلاپ سورىدى. _ بىز پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا توغرىسىدا ئاڭلاپ، يىراق جايدىن كەلگەن خىزمەتكارىڭلار. پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مىسىردا سىلەر ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىنى ئاڭلىدۇق. بىز يەنە ئۇنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدە ياشايدىغان ئامورلارنىڭ ئىككى پادىشاھى _ خەشبون شەھىرىنىڭ پادىشاھى سىخون بىلەن ئاشتاروت شەھىرىنىڭ باشان دېگەن يېرىدە ياشايدىغان ئوگ پادىشاھقا قىلغان بارلىق ئىشلىرىنى ئاڭلىدۇق. شۇڭا بىزنىڭ ئاقساقاللىرىمىز ۋە بارلىق خەلقىمىز بىزگە: «سىلەر ئۇزۇن سەپەرگە يەتكۈدەك يېمەكلىك ئېلىپ، سەپەرگە ئاتلىنىڭلار. بېرىپ ئىسرائىل خەلقى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا: ‹بىز سىلەرنىڭ خىزمەتكارىڭلار، بىز سىلەر بىلەن تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزگىلى كەلدۇق› دەڭلار» دەپ بۇيرۇدى. بۇ نانلار بىز يولغا چىققاندا يېڭىلا پىشۇرۇلغانىدى. مانا كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر، ھازىر بۇ نانلار كۆكىرىپ، قېتىپ كەتتى. بىز بۇ شاراب تۇلۇملىرىغا شاراب توشقۇزۇپ ماڭغاندا، بۇ تۇلۇملارمۇ يېڭى ئىدى، ھازىر كونىراپ، يېرىلىپ كەتتى. بىزنىڭ كىيىملىرىمىز ۋە ئاياغلىرىمىزمۇ ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا يىرتىلىپ جۇل-جۇل بولۇپ كەتتى، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ يېمەكلىكلىرىنى قولىغا ئېلىپ كۆردى، ئەمما پەرۋەردىگاردىن بۇ توغرۇلۇق ھېچنېمە سورىمىدى. شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا گىبئون شەھىرىدە ياشايدىغان بۇ خىۋلار بىلەن تىنچلىق ئەھدىنامسى تۈزدى ۋە ئۇلارنىڭ ئامانلىقىغا كاپالەت بەردى. ئىسرائىل جامائىتىنىڭ ئاقساقاللىرىمۇ بۇ ئەھدىنامىگە قوشۇلۇپ قەسەم قىلىشتى. گىبئونلۇقلار بىلەن تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزۈپ ئۈچ كۈندىن كېيىن، ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە يېقىن يەردە ياشايدىغان قوشنا خەلق ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالدى. ئىسرائىللار بۇنى ئېنىقلاش ئۈچۈن يولغا چىقىپ، ئۈچ كۈندە ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىگە يېتىپ كەلدى. بۇ شەھەرلەرنىڭ نامى گىبئون، كىفىرا، بەئەروت، قىريات-يىئارىم دەپ ئاتىلاتتى. ئەمما ئىسرائىللار بۇ شەھەرلەرگە ھۇجۇم قىلمىدى، چۈنكى ئىسرائىل جامائىتىنىڭ ئاقساقاللىرى پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئالدىدا قەسەم بېرىشكەنىدى. ئىسرائىل خەلقى ئۆز ئاقساقاللىرىنىڭ قەسەم بېرىشكەنلىكىدىن ئاغرىنىشتى. بىراق ئاقساقاللار ئۇلارغا چۈشەندۈرۈپ: _ بىز پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئالدىدا قەسەم ئىچكەن، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلساق بولمايدۇ! مەيلى، ئۇلار ياشاۋەرسۇن. ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، قەسىمىمىزنى بۇزساق، پەرۋەردىگار بىزگە غەزەپلىنىدۇ. شۇڭا ئۇلارنى ھايات قالدۇرايلى، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ ئاقساقاللار گىبئونلۇقلارنى ئىسرائىللارنىڭ ئوتۇن، سۇلىرىنى توشۇيدىغان ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇدى. يوشۇۋا گىبئونلۇقلارنى يىغىپ ئۇلارغا: _ سىلەر بىزگە قوشنا تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن بىزنى ئالداپ: «بىز سىلەردىن يىراق يەردە ياشايمىز» دېدىڭلار؟ سىلەر لەنەتكە قالىسىلەر! سىلەر ھازىردىن باشلاپ خۇدانىڭ ئىبادەتگاھىنىڭ ئوتۇن ۋە سۈيىنى توشۇيدىغان قۇل بولىسىلەر، _ دېدى. ئۇلار جاۋاب بېرىپ: _ چۈنكى بىز قۇللىرىڭىز، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئۆز خىزمەتكارى مۇساغا ئەمر قىلىپ، پۈتكۈل زېمىننى سىلەرگە ئاتا قىلغانلىقىنى، سىلەرنىڭ شۇ زېمىنلاردا ياشاۋاتقان بارلىق خەلقلەرنى يوقىتىدىغانلىقىڭلارنى ئاڭلىدۇق. بىز ئۆلۈپ كېتىشتىن قاتتىق قورقتۇق. مانا بۇ بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن سىلەرنى ئالدىغانلىقىمىزنىڭ سەۋەبىدۇر. ھازىر بىز سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا تۇرۇپتۇق. بىزنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى توغرا تاپساڭلار، شۇنداق قىلىڭلار، _ دېيىشتى. يوشۇۋا ئۇلارغا ھاياتلىق يولى بېرىپ، ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشىگە يول قويمىدى. شۇ كۈندىن باشلاپ يوشۇۋا گىبئونلۇقلارنى ئىسرائىل جامائىتىنىڭ ھەم پەرۋەردىگار تاللىغان قۇربانلىق سۇپىسى قەيەردە قۇرۇلسا، شۇ يەرنىڭ ئوتۇن ۋە سۇلىرىنى توشۇغۇچىسى بولۇشقا بۇيرۇدى. ئۇلار ھازىرغىچە شۇ ئىشلارنى قىلىپ كەلمەكتە. يېرۇسالېمنىڭ پادىشاھى ئادونى-زىدىك، يوشۇۋانىڭ ئېرىخا شەھىرىنى ۋەيران قىلىپ، پادىشاھىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش، ئاي شەھىرىنىمۇ تەلتۆكۈس ۋەيران قىلىپ، پادىشاھىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئاڭلىدى. ئۇ يەنە گىبئونلۇقلارنىڭ ئىسرائىللار بىلەن تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزۈپ، ئىسرائىللار ئارىسىدا ياشاۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. پادىشاھ ئادونى-زەدەك بۇ ئىشلارنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن قورقتى. چۈنكى گىبئون شەھىرى ئاي شەھىرىدىنمۇ چوڭ بولۇپ، پادىشاھى بار بىرنەچچە شەھەرگە تەڭ ئىدى. ئادەملىرىمۇ باتۇر ئىدى. يېرۇسالېمنىڭ پادىشاھى ئادونى-زىدىك ھىبرون پادىشاھى ھوھام، يارمۇت پادىشاھى پىرئام، لاكىش پادىشاھى يافىيا ۋە ئەگلون پادىشاھى دىبىرغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر كېلىپ گىبئون شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىشىمغا ياردەم بېرىڭلار. چۈنكى ئۇلار يوشۇۋا ۋە ئىسرائىللار بىلەن تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزۈشۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئامورلارنىڭ بەش پادىشاھى _ يېرۇسالېم پادىشاھى، ھىبرون پادىشاھى، يارمۇت پادىشاھى، لاكىش پادىشاھى ۋە ئەگلون پادىشاھى بىرلىشىپ قوشۇنلىرىنى ئېلىپ، گىبئونغا ئاتلاندى. ئۇلار گىبئوننى قورشاپ ھۇجۇم قىلدى. گىبئونلۇقلار گىلگالدىكى يوشۇۋانىڭ قارارگاھىغا جىددىي ئادەم ئەۋەتىپ، يوشۇۋادىن: «تاغلىق رايونلاردىكى ئامورلارنىڭ پادىشاھلىرى بىرلىشىپ بىزگە ھۇجۇم قىلدى، تېزلىكتە كېلىپ بىزگە ياردەم بېرىڭلار، بىزنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار، بىز قۇللىرىڭىزنى تاشلاپ قويماڭلار!» دەپ ئۆتۈنۈپ سوراشتى. يوشۇۋا ئەڭ چەبدەس باتۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق قوشۇننى باشلاپ، گىلگالدىن قوزغىلىپ گىبئونغا قاراپ يولغا چىقتى. بۇ چاغدا پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا: _ ئۇلاردىن قورقما، چۈنكى مەن ئۇلارنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرغانمەن. ئۇلاردىن ھېچكىم ساڭا قارشى تۇرالمايدۇ، _ دېدى. يوشۇۋا گىلگالدىن چىقىپ، كېچىچە توختىماي يۈرۈش قىلىپ، ئامورلار قوشۇنىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى. پەرۋەردىگار ئامورلار قوشۇنىنى پاتىپاراقچىلىققا چۈشۈرۈپ قويدى. ئىسرائىللار قوشۇنى ئامورلارنىڭ كۆپ قىسمىنى گىبئوندا قىرىپ تاشلىدى ھەمدە دۈشمەن قوشۇنىنى بەيت-خورون شەھىرىگىچە قوغلاپ، يول بويى قىرىپ مېڭىپ، ئازېقا شەھىرى ۋە ماققېدا شەھىرىگە بارغۇچە يەنە بىر قىسمىنى قىرىپ تاشلىدى. ئامورلارنىڭ قالغان قوشۇنى بەيت-خورون شەھىرىگە يېقىن بولغان داۋانغا قېچىپ ئازېقا شەھىرىگە بارغۇچە، پەرۋەردىگار يول بويى ئاسماندىن شىددەتلىك مۆلدۈر ياغدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ يەنە بىر قىسمىنى يوقاتتى. شىددەتلىك مۆلدۈردە ئۆلگەنلەر ئىسرائىللارنىڭ قىلىچىدا ئۆلگەنلەردىنمۇ كۆپ بولدى. پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا نۇسرەت ئاتا قىلىپ، ئامورلارنى مەغلۇپ قىلغان كۈنى، يوشۇۋا ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئالدىدا پەرۋەردىگارغا: «قۇياش گىبئون ئاسمىنىدا توختاپ تۇرسۇن، ئاي ئاييالون جىلغىسىدا توختاپ تۇرسۇن» دەپ دۇئا قىلغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار دۈشمىنىنى مەغلۇپ قىلغۇچە، قۇياش بىلەن ئاي ئۆز جايىدا توختاپ تۇردى. قۇياشنىڭ تەخمىنەن پۈتۈن بىر كۈن ئولتۇرماي، ئاسماننىڭ نەق ئوتتۇرىسىدا توختاپ تۇرغانلىقى توغرىسىدىكى بۇ ۋەقە «ياشار» دېگەن كىتابتا تىلغا ئېلىنغان ئەمەسمۇ! پەرۋەردىگارنىڭ يوشۇۋانىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ بەرگەنلىكىگە ئوخشاش بۇنداق ئىش ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ بولۇپ باقمىدى. شۇ كۈنى پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن ئىسرائىللار ئۈچۈن جەڭ قىلغانىدى. ئۇرۇشتىن كېيىن يوشۇۋا بىلەن ئىسرائىللارنىڭ پۈتۈن قوشۇنى ئۆزلىرىنىڭ گىلگالدىكى قارارگاھىغا قايتىشتى. ئۇرۇشتا ئامورلارنىڭ بەش پادىشاھى قېچىپ كېتىپ، ماققېدادىكى بىر ئۆڭكۈرگە يوشۇرۇنۇۋالغانىدى. يوشۇۋا ئامورلارنىڭ بەش پادىشاھىنىڭ ماققېدادىكى بىر ئۆڭكۈرگە يوشۇرۇنۇۋالغان يېرىدىن تېپىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، قوشۇنلىرىغا: _ بىرنەچچە ئادەم قورام تاشلار بىلەن ئۆڭكۈرنىڭ ئاغىزىنى ئېتىپ قويۇپ، ئۇ يەرنى كۆزەت قىلسۇن. قالغانلىرىڭلار قاچقان دۈشمەننىڭ ئارقىسىدىن داۋاملىق قوغلاپ، ھۇجۇم قىلىڭلار. ئۇلارنىڭ ئۆز شەھەرلىرىگە كىرىۋېلىشىغا يول قويماڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۇلارنى قولۇڭلارغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ _ دەپ بۇيرۇق قىلدى. يوشۇۋا ۋە ئىسرائىل قوشۇنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك يوقاتتى. ئاز بىر قىسمى سېپىللىرى مۇستەھكەم شەھەرلەرگە قېچىپ كىرىۋالدى. ئىسرائىل قوشۇنى ماققېدادىكى قارارگاھىغا، يەنى يوشۇۋانىڭ يېنىغا ساق-سالامەت قايتىپ كەلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ھېچكىم ئىسرائىللارغا قارشى بىر ئېغىز گەپ قىلىشقىمۇ پېتىنالمىدى. يوشۇۋا ئادەملىرىگە بۇيرۇپ: _ ئۆڭكۈرنىڭ ئېغىزىنى ئېچىپ، بەش پادىشاھنى ئېلىپ كېلىڭلار! _ دېدى. ئۇلار يېرۇسالېم پادىشاھى، ھىبرون پادىشاھى، يارمۇت پادىشاھى، لاكىش پادىشاھى ۋە ئەگلون پادىشاھىنى ئېلىپ كەلدى. ئۇلار ئېلىپ كېلىنگەندە، يوشۇۋا بارلىق ئىسرائىل قوشۇنىنى يىغىپ، ئۇلارنىڭ سەركەردىلىرىگە: _ بۇ پادىشاھلارنىڭ بوينىغا دەسسەڭلار! _ دېدى. سەركەردىلەر ئۇنىڭ دېگىنىدەك قىلىشتى. يوشۇۋا قوشۇنلىرىغا: _ ھەرگىز قورقماڭلار ھەم ھودۇقماڭلار! قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بولۇڭلار! پەرۋەردىگار سىلەرگە قارشى چىقماقچى بولغان بارلىق دۈشمەنلىرىڭلارنىمۇ مۇشۇنداق كۈنگە قويىدۇ، _ دېدى. كېيىن يوشۇۋا بەش پادىشاھنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنى بەش دەرەخكە ئېسىپ قويۇشقا بۇيرۇق قىلدى. كەچ كىرگۈچە بۇ جەسەتلەر دەرەختە ئېسىقلىق تۇردى. كۈن پاتقاندا يوشۇۋا پادىشاھلارنىڭ جەسىتىنى دەرەختىن چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى ئۆزلىرى يوشۇرۇنۇۋالغان ئۆڭكۈرگە تاشلاپ، ئۆڭكۈرنىڭ ئېغىزىنى قورام تاشلار بىلەن ئېتىۋېتىشكە بۇيرۇدى. بۇ تاشلار ھازىرمۇ شۇ يەردە بار. شۇ ۋاقىتتا يوشۇۋا ماققېدا شەھىرىنى ئىگىلەپ، بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھى ۋە بارلىق ئادەملىرىنى بىرنىمۇ تىرىك قالدۇرماي، قىلىچ بىلەن ھەممىسىنى تەلتۆكۈس يوقاتتى. ئۇلار بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھىنىمۇ ئېرىخا شەھىرىنىڭ پادىشاھىنى ئۆلتۈرگەنگە ئوخشاش ئۆلتۈردى. كېيىن يوشۇۋا ئىسرائىل قوشۇنىنى باشلاپ بېرىپ، لىبناھ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى. پەرۋەردىگار لىبناھ شەھىرىنىڭ پادىشاھىنى ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئادەملىرىنى ئىسرائىللارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. ئىسرائىللار بۇ شەھەرنىڭ بارلىق ئادەملىرىنى بىرنىمۇ تىرىك قالدۇرماي، قىلىچ بىلەن ھەممىسىنى تەلتۆكۈس قىرىپ تاشلىدى. ئۇلار بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھىنىمۇ خۇددى ئېرىخا شەھىرىنىڭ پادىشاھىنى ئۆلتۈرگەنگە ئوخشاش ئۆلتۈردى. كېيىن يوشۇۋا ئىسرائىل قوشۇنىنى باشلاپ لىبناھدىن ئايرىلىپ، لاكىش شەھىرىگە يۈرۈش قىلدى. ئۇلار شەھەرنى قورشاپ ھۇجۇم باشلىدى. ئىككىنچى كۈنى پەرۋەردىگار لاكىش شەھىرىنى ئىسرائىللارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. ئىسرائىللار لىبناھ شەھىرىگە ئوخشاش، بۇ شەھەرنىڭ بارلىق ئادەملىرىنىمۇ قىلىچ بىلەن قىرىپ تاشلىدى. بۇ چاغدا، گەزەرنىڭ پادىشاھى ھورام قوشۇن باشلاپ، شەھەردىكىلەرگە ياردەمگە كەلگەنىدى. ئەمما يوشۇۋا ھورام پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ قوشۇنىنىمۇ قىرىپ تاشلاپ، ھېچكىمنى تىرىك قالدۇرمىدى. يوشۇۋا بارلىق ئىسرائىل قوشۇنىنى باشلاپ، لاكىشتىن ئايرىلىپ، ئەگلون شەھىرىگە يۈرۈش قىلدى. ئۇلار شەھەرنى قورشاپ ھۇجۇم باشلىدى. شۇ كۈنى ئىسرائىللار بۇ شەھەرنى ئىگىلەپ، بارلىق خەلقنى قىلىچ بىلەن قىرىپ تاشلىدى. ئۇلار لاكىشتىكىگە ئوخشاش، بۇ شەھەرنىڭ بارلىق ئادەملىرىنىمۇ تەلتۆكۈس يوقاتتى. يوشۇۋا ئىسرائىل قوشۇنىنى باشلاپ، ئەگلوندىن ھىبرون شەھىرىگە يۈرۈش قىلىپ، بۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلدى. ئۇلار بۇ شەھەرنىمۇ ئىگىلەپ، بارلىق ئادەملىرىنى قىلىچ بىلەن قىرىپ تاشلىدى، پادىشاھىنىمۇ ئۆلتۈردى، ھېچكىم تىرىك قالمىدى. ئۇلار شەھەر ئەتراپىدىكى يېزىلاردىكى ئادەملەرنىمۇ تىرىك قويمىدى. ئۇلار خۇددى ئەگلوندا قىلغانغا ئوخشاش، بۇ شەھەرنىڭ ئادەملىرىنىمۇ تەلتۆكۈس يوقاتتى. كېيىن يوشۇۋا يەنە ئىسرائىل قوشۇنىنى باشلاپ كەينىگە يېنىپ، دىبىر شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى. ئىسرائىللار بۇ شەھەرنى ئىگىلەپ، ئۇنىڭ پادىشاھىنى تۇتۇپ، بۇ شەھەرنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارنىمۇ قوشۇپ ئىگىلىدى. ئۇلار پادىشاھنى ۋە بارلىق ئادەملىرىنى قىلىچ بىلەن تەلتۆكۈس قىرىپ تاشلاپ، ھېچكىمنى تىرىك قالدۇرمىدى. ئۇلار ھىبرون، لىبناھ ۋە ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنى قانداق قىلغان بولسا، دىبىرنىمۇ خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش قىلدى. شۇنداق قىلىپ يوشۇۋا جەنۇبتىكى بارلىق زېمىننى، يەنى تاغلىق رايونلارنى، نەگېب چۆللۈكىنى، غەربىي ئېدىرلىقلارنى ۋە تاغ باغىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق زېمىنلارنىڭ پادىشاھلىرىنى خەلقى بىلەن قوشۇپ بويسۇندۇردى. ئۇلار پەرۋەردىگار _ ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ بۇيرۇقى بويىچە بۇ زېمىنلاردىكى بارلىق خەلقنى تەلتۆكۈس قىرىپ تاشلاپ، ھېچكىمنى تىرىك قالدۇرمىدى. يوشۇۋا كادېش-بارنېيا شەھىرى بىلەن گازا شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زېمىنلارنى ۋە گوشەنگە تەۋە بولغان زېمىنلاردىن تارتىپ، گىبئون شەھىرىگىچە بولغان پۈتكۈل زېمىننى بويسۇندۇردى. يوشۇۋا بۇ بىر قېتىملىق يۈرۈشىدە ئۇ يەرلەردىكى پادىشاھلارنى بويسۇندۇرۇپ، بارلىق زېمىننى ئىگىلىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، ئىسرائىللار ئۈچۈن جەڭ قىلغانىدى. ئۇرۇشتىن كېيىن يوشۇۋا بارلىق ئىسرائىل قوشۇنى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ گىلگالدىكى قارارگاھىغا قايتىشتى. خازور پادىشاھى يابىن بۇ ئىشلارنى ئاڭلىغان ھامان، ئەتراپتىكى پادىشاھلارغا، يەنى مادون پادىشاھى يوبابقا، شىمرون پادىشاھى ۋە ئاكشاف پادىشاھىغا، شىمالىي تاغلىق رايونلاردىكى پادىشاھلارغا، يەنە جەلىلىيە كۆلىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە جايلاشقان ئارابا رايونىدىكى پادىشاھلارغا، غەربىي ئېدىرلىقلاردىكى پادىشاھلارغا، غەرب تەرەپكە جايلاشقان نافوت-دور زېمىنىدىكى پادىشاھلارغا، غەربىي كەنئان ۋە شەرقىي كەنئان زېمىنىدىكى پادىشاھلارغا، ئامور پادىشاھلىرىغا، خىتلار، پەرىززىلەر، تاغلىق رايونلاردىكى يىبۇسلار ۋە مىزپاھ زېمىنىغا قاراشلىق خەرمون تاغ ئېتەكلىرىدىكى شەھەرلەردە ياشايدىغان خىۋلارغا خەۋەر ئەۋەتتى. بۇ پادىشاھلار بارلىق قوشۇنلىرىنى باشلاپ كەلدى. ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرى سان-ساناقسىز بولۇپ، خۇددى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ ئىدى. ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئات ۋە جەڭ ھارۋىلىرى بار ئىدى. بۇ پادىشاھلار بىرلىشىپ، ئىسرائىللار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن قوشۇنلىرىنى باشلاپ، مېروم يېنىدىكى سۇ بويلىرىغا بارگاھ قۇردى. پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا يەنە مۇنداق دېدى: _ ئۇلاردىن قورقما، مەن ئەتە مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ جەسىتىنى سىلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىمەن. سەن ئۇلارنىڭ ئاتلىرىنىڭ پېيىنى كېسىۋەت، جەڭ ھارۋىلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلا. شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا بارلىق قوشۇننى باشلاپ، مېروم يېنىدىكى سۇ بويلىرىغا جايلاشقان دۈشمەنلەرنىڭ ئۈستىگە تۇيۇقسىز بېسىپ كېلىپ، ھۇجۇم قىلدى. پەرۋەردىگار دۈشمەنلەرنى ئىسرائىللارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. ئىسرائىللار ئۇلارنى بۈيۈك سىدون شەھىرى ۋە مىسرېفوت-مايىمغىچە، شۇنداقلا مىزپاھ جىلغىسىنىڭ شەرقىغىچە قوغلاپ بېرىپ، بىرمۇ ئادەمنى تىرىك قالدۇرمىدى. يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنىدەك، ئۇلارنىڭ ئاتلىرىنى پېيىنى كېسىۋېتىپ، جەڭ ھارۋىلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى. يوشۇۋا قوشۇنىنى باشلاپ كەينىگە قايتىپ، خازور شەھىرىنى ئىگىلىدى ۋە پادىشاھىنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈردى. خازور پادىشاھى شۇ چاغدا شۇ جايدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنى باشقۇراتتى. ئىسرائىللار خازور شەھىرىدىكى بارلىق ئادەملەرنى قىلىچ بىلەن تەلتۆكۈس يوقىتىپ، ھېچقانداق تىرىك جان قالدۇرمىدى، شەھەرنىمۇ كۆيدۈرۈپ تاشلىدى. يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە، شىمالدىكى بارلىق شەھەرلەرنى ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنى تەلتۆكۈس ئۆلتۈردى. بۇ شەھەرلەردىكى بارلىق ئادەملەرنى قىلىچ بىلەن قىرغىن قىلدى. ئىسرائىللار خازور شەھىرىدىن باشقا، دۆڭلۈكلەرگە قۇرۇلغان شەھەرلەرنى كۆيدۈرمىدى. ئىسرائىللار بۇ شەھەرلەردىكى ئۇرۇش ئولجىلىرى ۋە مال-چارۋىلارنى ئۆزلىرىگە قالدۇرۇپ، بارلىق ئادەملەرنى قىلىچ بىلەن قىرىپ تاشلاپ، ھېچكىمنى تىرىك قالدۇرمىدى. بۇ ئىشلارنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە يوشۇۋاغا تاپشۇرغانىدى. يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە بۇيرۇغانلىرىنى بىرنىمۇ قالدۇرماي بەجا كەلتۈردى. يوشۇۋا بارلىق زېمىننى _ شىمالىي تاغلىق رايونلار، پۈتكۈل نەگېب چۆللۈكى، پۈتكۈل گوشەن زېمىنى، غەربتىكى ئېدىرلىقلار، ئارابا رايونى، جەلىلىيەدىكى تاغلىق رايونلار ۋە ئېدىرلىقلارنى بويسۇندۇردى. ئىسرائىللارنىڭ زېمىنى جەنۇبتا سەئىرنىڭ يېنىدىكى خالاق تېغىدىن باشلىنىپ، شىمالدا لىۋان جىلغىسىنىڭ خەرمون تېغى باغرىدىكى بائالگاد شەھىرىگىچە كېڭەيدى. يوشۇۋا بۇ زېمىنلاردىكى بارلىق پادىشاھلارنى يوقاتتى. ئىسرائىللار بۇ پادىشاھلار بىلەن ئۇزۇن مەزگىل ئۇرۇش قىلدى. بۇ زېمىنلاردا ياشايدىغان گىبئوندىكى خىۋلاردىن باشقا، ھېچكىم ئىسرائىللار بىلەن تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزمىگەنىدى، شۇڭا ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىگىلىدى. پەرۋەردىگار بۇ پادىشاھلارنى جاھىل قىلىپ قويغانىدى. شۇڭا ئۇلار ئىسرائىللار بىلەن ئۇرۇش قىلىشتى. پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە بۇيرۇغىنى بويىچە ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى رەھىم قىلماي تەلتۆكۈس يوقاتتى. بۇ چاغدا يوشۇۋا تاغلىق رايونلاردا ياشاۋاتقان ئاناقلارنى يوقاتتى. ئۇلار ھىبرون، دىبىر، ئاناب شەھەرلىرىدە ھەم جەنۇب ۋە شىمالدىكى پۈتۈن تاغلىق رايونلاردا ياشايتتى. يوشۇۋا ئۇلارنى شەھىرلىرى بىلەن تەلتۆكۈس يوقاتتى. ئىسرائىللارنىڭ زېمىنى ئىچىدە ئاناقلارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ھېچكىم قالمىدى. بىراق ئۇلاردىن ئازغىنا بىر قىسمى گازا، گات، ۋە ئاشدود شەھەرلىرىدە قېلىپ قالدى. خۇددى پەرۋەردىگار مۇسا پەيغەمبەرگە بۇيرۇغىنىدەك، يوشۇۋا بارلىق زېمىنلارنى ئۆز ئىلكىگە ئالدى. ئۇ بۇ زېمىنلارنى ئىسرائىللارنىڭ قەبىلىلىرىگە تەقسىم قىلىپ بەردى. شۇنىڭدىن كىيىن بۇ زېمىندا ئۇرۇش ئاخىرلاشتى. ئىسرائىللار ئاللىبۇرۇن ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى پادىشاھلارنى مەغلۇپ قىلىپ، زېمىنىنى ئىشغال قىلغانىدى. بۇ پادىشاھلارنىڭ زېمىنى جەنۇبتا ئارنون جىلغىسىدىن تارتىپ، شىمالدا خەرمون تېغىغىچە كېڭەيگەنىدى. بۇ ئىئوردان دەرياىسىنىڭ شەرقىدىكى ئارابا رايونىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. ئىسرائىللار ئالدى بىلەن خەشبون شەھىرىدىكى ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخوننى مەغلۇپ قىلغانىدى. ئۇنىڭ زېمىنى ئارنون جىلغىسىنىڭ قىرغىقىغا جايلاشقان ئاروئېر شەھىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئارنون جىلغىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن تارتىپ، ئاممونلارغا چېگرالىنىدىغان ياببوق جىلغىسىغىچە ئىدى. بۇ زېمىن گىلئاد زېمىنىنىڭ جەنۇبىي يېرىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. سىخون پادىشاھ شەرقتە ئارابا رايونىغا، يەنى بەيت-يىشىموتقا بارىدىغان يولنى ۋە جەنۇبقا سوزۇلغان پىسگاھ تېغىنىڭ ئېتىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىمالنىڭ ئەڭ چېتىدىكى جەلىلىيە كۆلىدىن تارتىپ، جەنۇبنىڭ ئەڭ چېتىدىكى ئۆلۈك دېڭىزى، يەنى تۇز دېڭىزىغىچە بولغان رايونلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. مەغلۇپ بولغان باشان پادىشاھى ئوگ ئاشتاروت ۋە ئەدرەئى شەھەرلىرىدە ياشايتتى. ئۇ رافاھلارنىڭ قالغانلىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇ شىمالدا خەرمون تېغىدىن تارتىپ، سالكاھ شەھىرىگىچە بولغان زېمىنلارغا، غەربتە پۈتكۈل باشان زېمىنىدىن تارتىپ، گىشۇر ۋە مائاكانىڭ چېگرالىرىغىچە ھەمدە گىلئادنىڭ شىمالىي يېرىمىدىن تارتىپ، خەشبونلۇق سىخون پادىشاھنىڭ چېگراسىغىچە ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. ئىلگىرى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا ۋە ئىسرائىللار بۇ پادىشاھلارنى مەغلۇپ قىلغانىدى. مۇسا پەيغەمبەر بۇ زېمىنلارنى رۇبېن، گاد قەبىلىلىرىگە ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا بۆلۈپ بەرگەنىدى. يوشۇۋا ۋە ئىسرائىللار ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىگە جايلاشقان لىۋان جىلغىسىدىكى بائالگاد دېگەن جايدىن خالاق تېغىغىچە، ھەتتا سەئىرگىچە بولغان زېمىندىكى پادىشاھلارنى مەغلۇپ قىلدى. ئۇ بۇ زېمىنلارنى ئىسرائىللارنىڭ قەبىلىلىرىگە ئىگىدارچىلىق قىلىشقا بۆلۈپ بەرگەنىدى. بۇ زېمىنلار، تاغلىق رايونلارنى، غەربىي ئېدىرلىقلارنى، ئارابا رايونى ۋە تاغ باغرىلىرىنى ھەمدە چۆل-باياۋانلارنى ۋە جەنۇبىي نەگېب چۆللۈكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ زېمىنلاردا خىتلار، ئامورلار، كەنئانلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلار ياشىغان. تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىللار مەغلۇپ قىلغان پادىشاھلار: ئېرىخا پادىشاھى بەيتەلنىڭ يېنىدىكى ئاي پادىشاھى يېرۇسالېم پادىشاھى ھىبرون پادىشاھى يارمۇت پادىشاھى لاكىش پادىشاھى ئەگلون پادىشاھى گەزەر پادىشاھى دىبىر پادىشاھى گەدەر پادىشاھى خۇرماھ پادىشاھى ئاراد پادىشاھى لىبناھ پادىشاھى ئادۇللام پادىشاھى ماققېدا پادىشاھى بەيتەل پادىشاھى تاپپۇۋاخ پادىشاھى خېفەر پادىشاھى ئافېق پادىشاھى لاشارون پادىشاھى مادون پادىشاھى خازور پادىشاھى شىمرون-مىرئون پادىشاھى ئاكشاف پادىشاھى تاناك پادىشاھى مىگىددو پادىشاھى قەدەش پادىشاھى كارمەلدىكى يوقنىئام پادىشاھى نافوت-دورنىڭ يېنىدىكى دور پادىشاھى گىلگالنىڭ يېنىدىكى گويىم پادىشاھى تىرزاھ پادىشاھى جەمئىي 31 پادىشاھتۇر. يوشۇۋا ياشىنىپ، قېرىپ قالغانىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ سەن ياشىنىپ، قېرىپ قالدىڭ. سەن تېخى بويسۇندۇرۇشقا تېگىشلىك يەنە كۆپ زېمىنلار بار. سىلەرنىڭ بويسۇندۇرۇشۇڭلارغا تېگىشلىك بولغان زېمىنلار يەنە بار، يەنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ زېمىنى ۋە گىشۇرلارنىڭ بارلىق زېمىنىدۇر. بۇ زېمىنلار مىسىرنىڭ شەرقىدىكى شىخور دەرياسىدىن تارتىپ، شىمالدىكى ئەقرون شەھىرىنىڭ چېگراسىغىچە سوزۇلىدۇ (بۇ زېمىنلار كەنئانلارنىڭ زېمنى دەپ قارىلىدۇ). بۇنىڭ ئىچىدە گازا، ئاشدود، ئاشقىلون، گات ۋە ئەقرون قاتارلىق شەھەرلەرگە فىلىستىيەلىك بەش ھۆكۈمدار ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. يەنە جەنۇبتىكى ئاۋۋىم خەلقىنىڭ زېمىنىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. سىلەر كەنئانلارنىڭ شىمالدىكى پۈتكۈل زېمىنىنى، شۇنداقلا سىدونلۇقلار تەۋەلىكىدىكى مىئارادىن تارتىپ، ئامورلار زېمىنىغا چېگراداش ئافېق شەھىرىگىچە بولغان زېمىنلارنىمۇ ئىگىلىشىڭلار كېرەك. يەنە گىبال خەلقىنىڭ زېمىنىنى، خەرمون تاغلىرىنىڭ ئېتىكىگە جايلاشقان بائالگاد شەھىرىدىن تارتىپ، لىبو-خامات شەھىرىگىچە بولغان لىۋان تاغلىرىنىڭ شەرقىدىكى زېمىنلارنى ۋە يەنە لىۋان تاغلىرىدىن مىسرېفوت-مايىمغىچە بولغان زېمىننى، يەنى سىدونلۇقلارنىڭ پۈتكۈل زېمىنلىرىنى ئىگىلىشىڭلار كېرەك. مەن بۇ زېمىنلاردىكى خەلقلەرنى ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدا قوغلاپ چىقىرىمەن. سەن پەقەت مېنىڭ بۇيرۇقۇم بويىچە بۇ زېمىنلارنى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىشىغا تەقسىم قىلىپ بەرگىن. يەنى سەن بۇ زېمىنلارنى توققۇز ئىسرائىل قەبىلىسى بىلەن ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىغا تەقسىم قىلىپ بەرگىن. پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى زېمىنلارنى ئاللىقاچان ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىغا ۋە رۇبېن، گاد قەبىلىلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىشىغا تەقسىم قىلىپ بەرگەنىدى. ئۇلارنىڭ زېمىنى ئارنون جىلغىسىنىڭ ئاروئېر شەھىرىدىن باشلىنىپ، بۇ جىلغىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا مېدىبا شەھىرى ئورۇنلاشقان پۈتۈن ئېگىزلىكتىن ھالقىپ، دىبون شەھىرىگىچە سوزۇلغان. بۇ زېمىنلار يەنە ئەڭ شەرقتىكى ئاممونلارنىڭ چېگراسىغا تۇتاشقان بولۇپ، سىخون پادىشاھلىقىنىڭ بارلىق شەھەرلىرى، ئامورلار پادىشاھى ھۆكۈمرانلىق قىلغان خەشبون شەھەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇ يەنە گىلئاد، گىشۇر ۋە مائاكالىقلارنىڭ زېمىنلىرىنى، خەرمون تېغى، شۇنداقلا باشاننىڭ سالكاھ شەھىرىگىچە بولغان پۈتكۈل زېمىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنى باشان زېمىنىدىكى ئاشتاروت ۋە ئەدرەئى شەھىرىدە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئوگ پادىشاھنىڭ بارلىق زېمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پادىشاھ ئوگ رافاھلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەۋلادى ئىدى. مۇسا پەيغەمبەر ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ، بۇ زېمىنلاردىن قوغلاپ چىقارغانىدى. ئەمما ئىسرائىل خەلقى گىشۇر ۋە مائاكا خەلقىنى بۇ زېمىندىن قوغلىمىدى، شۇڭا ئۇلار ھازىرغىچە ئىسرائىل خەلقى ئارىسىدا داۋاملىق ياشاپ كەلمەكتە. مۇسا پەيغەمبەر پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنى بويىچە پەقەت لاۋىي قەبىلىسىگىلا ھېچقانداق زېمىن تەقسىم قىلمىدى. چۈنكى پەرۋەردىگارغا، يەنى ئىسرائىل خەلقى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا قىلىنغان قۇربانلىقلار ئۇلارنىڭ زېمىنى ئورنىدا تەقسىم قىلىنغان نېسىۋىسى ئىدى. مۇسا پەيغەمبەر رۇبېن قەبىلىسىگە ئۇلارنىڭ جەمەتى بويىچە زېمىن تەقسىم قىلىپ بەرگەن. ئۇلارنىڭ زېمىنى ئارنون جىلغىسىنىڭ چېتىدىكى ئاروئېر شەھىرىدىن باشلىنىپ، بۇ جىلغىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا مېدىبا شەھىرى ئورۇنلاشقان پۈتۈن ئېگىزلىككە سوزۇلغان. ئۇ يەنە خەشبون شەھىرى ۋە شۇ ئېگىزلىكتىكى بارلىق شەھەرلەرنى _ دىبون، باموت-بائال، بەيت-بائالمىئون، ياھاز، قىدېموت، مېفائات، قىرياتائىم، سىبماھ ھەمدە جىلغىدىكى دۆڭلۈككە جايلاشقان زەرەت-شاخار، بەيت-پىئور، پىسگاھ تېغىنىڭ ئېتىكى، بەيت-يىشىموت دېگەن يەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ زېمىنلار يەنە شۇ ئېگىزلىكتىكى بارلىق شەھەرلەر ۋە ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخون خەشبون شەھىرىدە تۇرۇپ ھۆكۈمرانلىق قىلغان بارلىق زېمىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇسا پەيغەمبەر ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخوننى ئەۋى، رەقەم، زۇر، خۇر، رەبا قاتارلىق مىديان خەلقىنىڭ قەبىلە باشلىقلىرى بىلەن بىللە مەغلۇپ قىلغان. بۇ قەبىلە باشلىقلىرى سىخون پادىشاھنىڭ قول ئاستىدا بولۇپ، شۇ زېمىندا ياشايتتى. ئىسرائىل خەلقى ئۇرۇشتا بىئورنىڭ ئوغلى پالچى بىلئامنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈردى. ئىئوردان دەرياسى رۇبېن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىنىڭ غەربىي پاسىلى بولدى. بۇ زېمىندىكى شەھەر ۋە يېزىلار رۇبېن قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەنىدى. مۇسا پەيغەمبەر گاد قەبىلىسىگە ئۇلارنىڭ جەمەتى بويىچە زېمىن تەقسىم قىلىپ بەرگەن. ئۇلارنىڭ زېمىنى يازېر، گىلئادنىڭ بارلىق شەھەرلىرى ۋە رابباھ شەھىرىنىڭ يېنىدىكى ئاروئېر شەھىرىگىچە بولغان ئاممون زېمىنىنىڭ يېرىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ زېمىنلار يەنە جەنۇبتا خەشبون شەھىرىدىن تارتىپ، راموت-مىزپەھ ۋە بىتونىم شەھىرىگىچە، شىمالدا ماخانايىم شەھىرىدىن تارتىپ، دىبىر زېمىنىگىچە، ئىئوردان ۋادىسىدا بەيت-ھارام، بەيت-نىمراھ، سۇككوت، زافون شەھىرى، شۇنداقلا سىخون پادىشاھ خەشبوندا تۇرۇپ ھۆكۈمرانلىق قىلغان باشقا زېمىنلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. غەربىي پاسىلى ئىئوردان دەرياسىنى بويلاپ، شىمالدا جەلىلىيە كۆلىنىڭ ئايىغىغىچە سوزۇلۇپ، كېيىن شەرققە قايرىلىدۇ. بۇ زېمىنلاردىكى شەھەر ۋە ئەتراپتىكى يېزىلار گاد قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەنىدى. مۇسا پەيغەمبەر ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىغا ئۇلارنىڭ جەمەتى بويىچە زېمىن تەقسىم قىلىپ بەرگەن. بۇ زېمىنلار ماخانايىم شەھىرىدىن شىمالغا سوزۇلغان بولۇپ، باشان زېمىنى (ئوگ پادىشاھ بۇرۇن ھۆكۈمرانلىق قىلغان زېمىن) ۋە يائىرنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى 60 يېزىنى ۋە يەنە گىلئاد زېمىنىنىڭ يېرىمى ۋە باشان زېمىنىدىكى ئوگ پادىشاھنىڭ پايتەختى بولغان ئاشتاروت ۋە ئەدرەئى شەھەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ زېمىنلار ماناسسەنىڭ ئوغلى ماكىر ئەۋلادىنىڭ يېرىمىغا جەمەت بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن. ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىگە ۋە ئېرىخا شەھىرىنىڭ ئۇدۇلىغا جايلاشقان موئاب تۈزلەڭلىكىگە تەۋە بولغان بۇ زېمىنلار مۇسا پەيغەمبەر تەرىپىدىن تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردۇر. ئەمما مۇسا پەيغەمبەر لاۋىي قەبىلىسىگە ھېچقانداق زېمىن تەقسىم قىلىپ بەرمىدى، چۈنكى پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىل خەلقى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئۇلارغا: «مەن سىلەرنىڭ رىزىق-نېسىۋەڭلار بولىمەن» دەپ ۋەدە قىلغانىدى. ئىسرائىل خەلقىنىڭ قالغان قەبىلىلىرى روھانىي ئەلئازار، نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ۋە قەبىلە ئاقساقاللىرىنىڭ تەقسىم قىلىپ بېرىشى بىلەن كەنئان زېمىنىغا ئىگە بولدى. يەنى بۇ زېمىنلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە بۇيرۇغىنى بويىچە چەك تاشلاپ، توققۇز يېرىم قەبىلىگە تەقسىم قىلىنىپ بېرىلدى. مۇسا پەيغەمبەر ئىككى قەبىلە ۋە يەنە بىر قەبىلىنىڭ يېرىمىغا ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى زېمىنلارنى تەقسىم قىلغان، ئەمما لاۋىي قەبىلىسىگە زېمىن تەقسىم قىلىپ بەرمىگەنىدى. يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى ماناسسە ۋە ئەفرايىم دەپ، ئىككى قەبىلىگە ئايرىلاتتى. لاۋىي قەبىلىسىگە ھېچقانداق زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلمىگەنىدى. ئۇلارغا پەقەت ياشىشى ئۈچۈن ئەتراپىدا مال-چارۋا باقىدىغان ئوتلاقلىرى بولغان شەھەرلەر بېرىلگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار بۇ زېمىنلارنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە بۇيرۇغىنى بويىچە بۆلۈشۈۋالدى. ئىسرائىللار گىلگالدا قارارگاھ قۇرۇپ تۇرۇۋاتقان چاغدا، يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ بىر قىسىم ئادەملىرى يوشۇۋانىڭ ئالدىغا كىرىپ كېلىشتى. قېناز جەمەتىدىن بولغان يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: _ كادېش-بارنېيادا پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ يېقىن ئادىمى مۇسا پەيغەمبەرگە سەن ۋە مەن توغرۇلۇق نېمىلەرنى دېگەنلىكىنى سەن بىلىسەن. پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا مېنى، بىز بارىدىغان زېمىنلارنى چارلاپ كېلىشكە ئەۋەتكەنىدى. شۇ چاغدا مەن قىرىق ياشتا ئىدىم. مەن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مۇسا پەيغەمبەرگە شۇ زېمىنلاردا كۆرگەنلىرىمنى ئەينەن ئېيتتىم. مەن بىلەن بىللە بارغان ھەمراھلىرىم «ئۇ زېمىندىكىلەر ۋەھشىي ئىكەن!» دەپ، ئىسرائىللارنى ۋەھىمىگە سېلىپ قويغانىدى، لېكىن مەن ئىككىلەنمەي، پەرۋەردىگارىم خۇدانىڭ بىزنى قوغدايدىغانلىقىغا چىن قەلبىم بىلەن ئىشەندىم. شۇ چاغدا مۇسا پەيغەمبەر: «سېنىڭ قەدىمىڭ يەتكەن يەرلەرنىڭ ھەممىسى مەڭگۈ ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا تەۋە بولسۇن، چۈنكى سەن پەرۋەردىگارىمىزغا سادىقلىق بىلەن بويسۇندۇڭ» دەپ، قەسەم بەرگەن. ماڭا قارا، پەرۋەردىگار ۋەدە بەرگىنىدەك، ئۇ مېنىڭ ھاياتىمنى ساقلاپ قالدى، شۇڭا مەن ھازىرغا قەدەر ياشاپ كەلدىم. پەرۋەردىگار مۇسا پەيغەمبەرگە ۋەدە بەرگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە 45 يىل ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ ۋاقىتتا ئىسرائىل خەلقى چۆل-باياۋانلاردا سەرگەردان بولۇپ يۈرۈۋاتقانىدى. ماڭا قارا، مەن ھازىر 85 ياشقا كىردىم. مەن ھازىرمۇ مۇسا پەيغەمبەر مېنى چارلاشقا ئەۋەتكەن چاغدىكىدەك تىمەن تۇرۇپتىمەن، ھازىرمۇ شۇ چاغدىكىدەك ئۇرۇش ۋە باشقا ھەممە ئىشلارنى قىلالايمەن. پەرۋەردىگارنىڭ شۇ چاغدا ۋەدە قىلغىنى بويىچە بۇ تاغلىق رايونلارنى ماڭا بەرگىن. ئاناق قەبىلىلىرىنىڭ ھېلىمۇ شۇ زېمىنلاردا ياشاۋاتقانلىقىنى بىلىسەن، ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى چوڭ ھەم مۇستەھكەم. پەرۋەردىگار مەن بىلەن بىرگە بولسا، پەرۋەردىگارنىڭ ۋەدە بەرگىنى بويىچە مەن ئۇلارنى قوغلاپ چىقىراي. يوشۇۋا يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىبنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، پەرۋەردىگاردىن كالىبغا بەخت تىلىدى ۋە ھىبرون شەھىرىنى ئۇنىڭغا تەقسىم قىلىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ھىبرون شەھىرى ھازىرغا قەدەر قېناز قەبىلىسىدىن بولغان يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىبنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا تۇرۇۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارغا، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا سادىقلىق بىلەن بويسۇنغانىدى. (بۇرۇن ھىبرون شەھىرى قىريات-ئاربا دەپ ئاتىلاتتى. ئاربا ئاناقلارنىڭ ئەۋلادىدىن چىققان ئۇلۇغ قەھرىماندۇر.) شۇنىڭدىن كىيىن بۇ زېمىندا ئۇرۇش ئاخىرلاشتى. يەھۇدا قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن بولۇپ، بۇ زېمىنلارنىڭ ئەڭ جەنۇبتىكى پاسىلى ئىدوم چېگراسىدىكى زىن چۆلىنىڭ چېتىگىچە تۇتىشاتتى. يەھۇدا زېمىنىنىڭ جەنۇبىي پاسىلى تۇز دېڭىزىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئەڭ چېتىدىن باشلىنىپ، چايان داۋىنىدىن جەنۇبقا مېڭىپ، زىن چۆلىدىن ئۆتۈپ، كادېش-بارنېيا شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىن خەزرون شەھىرىگە سوزۇلىدۇ. كېيىن ئاددار شەھىرىدىن ئۆتۈپ، ئۇ يەردىن قارقا شەھىرىگە قايرىلىدۇ. بۇ پاسىل يەنە ئازمون شەھىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئاخىرىدا مىسىر چېگراسىدىكى دەريانى بويلاپ ئوتتۇرا دېڭىزغىچە تۇتىشىدۇ. بۇ يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ جەنۇبىي پاسىلىدۇر. ئۇلارنىڭ شەرقىي پاسىلى تۇز دېڭىزىنى بويلاپ، ئىئوردان دەرياسىدىن تۇز دېڭىزىنىڭ قويۇلۇش ئېغىزىغىچە بارىدۇ. شىمالىي پاسىلى بولسا ئىئوردان دەرياسىنىڭ تۇز دېڭىزىغا قۇيۇلۇش ئېغىزىدىن باشلىنىپ، بەيت-خوگلا شەھىرىگىچە سوزۇلۇپ، كېيىن بەيت-ئارابا شەھىرىدىن ئۆتۈپ رۇبېننىڭ ئوغلى بوھاننىڭ نامى بىلەن ئاتالغان تاشقىچە بارىدۇ. كېيىن بالايىئاپەت جىلغىسىدىن ئۆتۈپ دىبىر شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن شىمالغا بۇرۇلۇپ، گىلگال شەھىرىگىچە بارىدۇ. گىلگال شەھىرى بولسا جىلغىنىڭ جەنۇبىدىكى ئادۇممىم تاغ داۋىنىنى كېسىپ ئۆتىدىغان يولنىڭ قارشى تەرىپىدە بولۇپ، بۇ پاسىل ئېنشەمەش بۇلىقىغىچە سوزۇلۇپ، روگېل بۇلىقى دېگەن جايدا ئاخىرلىشىدۇ. كېيىن يىبۇسلار شەھىرىنىڭ (يېرۇسالېم شەھىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) جەنۇبىي تەرىپىدىكى بەنھىننوم جىلغىسىدىن ئۆتۈپ، ھىننوم جىلغىسىنىڭ غەربىدىكى ئېدىرلىققا، يەنى رافاھلار جىلغىسىنىڭ شىمال تەرىپىنىڭ ئاخىرىغىچە بارىدۇ. بۇ پاسىل بۇ ئېدىرلىقتىن يەنە نەفتوۋاخ بۇلىقىغىچە سوزۇلۇپ، كېيىن ئەفرون تېغىدىكى شەھەرلەرگىچە بارىدۇ. ئۇ يەردىن يەنە قايرىلىپ، قىريات-يىئارىم دەپ ئاتىلىدىغان بائالا شەھىرىگە تۇتىشىدۇ. ئۇ يەنە بائالا شەھىرىدىن غەربتىكى سەئىر تېغىغا قايرىلىپ، ئۇ يەردىن يىئارىم، يەنى كىسالون تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىنى بويلاپ، بەيت-شەمەش شەھىرىگە بېرىپ، يەنە داۋاملىشىپ تىمناھ شەھىرىگىچە سوزۇلىدۇ. ئۇ يەنە ئەقرون شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى تاغ باغرىنى بويلاپ، شىككارون شەھىرىگە بۇرۇلۇپ، بائالا تېغىغا بېرىپ، يابنىئېل شەھىرىدىن ئۆتۈپ، ئوتتۇرا دېڭىزدا ئاخىرلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ غەربىي پاسىلى ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ قىرغاقلىرى ئىدى. يەھۇدا قەبىلىسى ۋە ئۇلارنىڭ جەمەتلىرىنىڭ پاسىلى مانا شۇ ئىدى. يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ قىريات-ئاربا دېگەن زېمىنىنى يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىبقا بۆلۈپ بەردى. بۇ زېمىن ھازىر ھىبرون دەپ ئاتىلىدۇ. ئاربا بولسا ئاناقلارنىڭ ئاتىسى ئىدى. كالىب بۇ زېمىندىن ئاناقنىڭ ئۈچ ئوغلى _ شېشاي، ئاخىمان ۋە تالمايلارنىڭ جەمەتلىرىنى قوغلاپ چىقاردى. كالىب قىريات-ئاربا زېمىنىدىن ئۆتۈپ دىبىر (ئىلگىرى قىرئات-سېفەر دەپ ئاتىلاتتى) شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى. يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ باشلىقى كالىب: _ قىرئات-سېفەر شەھىرىنى كىم ئالسا، قىزىم ئاكساھنى شۇنىڭغا بېرىمەن، _ دېدى. ئۇ شەھەرنى كالىبنىڭ ئىنىسى قېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىئېل ئالدى. كالىب قىزى ئاكساھنى ئۇنىڭغا بەردى. بىر كۈنى ئاكساھ ئاتىسىنى يەنە بىر پارچە يەر بېرىشكە ماقۇل كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا باردى. ئاكساھ ئېشەكتىن چۈشۈشى بىلەنلا ئاتىسى ئۇنىڭدىن: _ نېمىگە كەلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى. ئاكساھ: _ مەن پەقەت بىرلا نەرسە تەلەپ قىلىپ كەلدىم. ئاتا، ماڭا بۇلىقى بار يەرلەردىن بەرسىڭىز، چۈنكى ماڭا بەرگەن يەرلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى جەنۇبىي چۆللۈكتىكى يەرلەر ئىكەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن كالىب يۇقىرى ۋە تۆۋەندىكى بۇلاقلارنى ئۇنىڭغا بەردى. تۆۋەندىكىلەر يەھۇدا قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن شەھەرلەر. جەنۇبنىڭ ئەڭ چېتىدىكى ئىدوم چېگراسىغا يېقىن شەھەرلەر: قابزىئېل، ئەدەر، ياگۇر، قىناھ، دىمونا، ئادئادا، قەدەش، خازور، يىتنان، زىف، تەلەم، بىئالوت، خازور-خاداتتا، قىرىيوت-خەزرون (يەنى خازور)، ئامام، شىما، مولادا، خازار-گاددا، خەشمون، بەيت-پەلەت، خازار-شۇئال، بەئەرشەبا، بىزيوتىيا بائالا، ئىيىم، ئەزەم، ئەلتولاد، كىسىل، خۇرماھ، زىقلاق، مادماننا، سانساننا، لىبائوت، شىلخىم، ئايىن ۋە رىممونلاردىن ئىبارەت جەمئىي 29 شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە. غەربىي ئېدىرلىقتىكى شەھەرلەر: ئەشتائول، زورئاھ، ئاشناھ، زانوۋاخ، ئېنگاننىم، تاپپۇۋاخ، ئېنام، يارمۇت، ئادۇللام، سوكوھ، ئازېقا، شائارايىم، ئادىتايىم، گىدېرا، يەنى گىدېروتايىم قاتارلىق جەمئىي 14 شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە. بۇنىڭدىن باشقا، زىنان، خاداشا، مىگدال-گاد، دىلئان، مىزپەھ، يوقتىئېل، لاكىش، بوزقات، ئەگلون، كاببون، لاخماس، كىتلىش، گىدېروت، بەيت-داگون، نائاما، ماققېدالاردىن ئىبارەت جەمئىي 16 شەھەر ۋە ئەتراپىدىكى يېزىلار ۋە يەنە لىبناھ، ئەتەر، ئاشان، يىفتاھ، ئاشناھ، نىزىب، قىيلاھ، ئاكزىب، مارېشا قاتارلىق جەمئىي توققۇز شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە. جۈملىدىن ئەقرون ۋە ئەتراپىدىكى يېزىلار ۋە ئەقروندىن تارتىپ، ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولغان ئاشدود يېنىدىكى بارلىق شەھەرلەر ھەمدە ئاشدود، گازا ئەتراپىدىكى يېزىلار بىلەن قوشۇلۇپ، مىسىر چېگراسىدىكى دەرياغا ۋە ئوتتۇرا دېڭىز ياقىسىغا باراتتى. تاغلىق رايونلاردىكى شەھەرلەر: شامىر، ياتتىر، سوكوھ، دانناھ، قىريات-سانناھ (يەنى دىبىر)، ئاناب، ئەشتىموۋا، ئانىم، گوشەن، خولون، گىلوھ قاتارلىق 11 شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە. ئۇنىڭدىن باشقا ئاراب، دۇماھ، ئەشئان، يانۇم، بەيت-تاپپۇۋاخ، ئافېقا، خۇمتاھ، قىريات-ئاربا (يەنى ھىبرون) زىئور قاتارلىق جەمئىي توققۇز شەھەر ۋە ئەتراپىدىكى يېزىلار ۋە ھەم مائون، كارمەل، زىف، يۇتتاھ، يىزرىئەل، يوقدىئام، زانوۋاخ، قايىن، گىبئاھ ۋە تىمناھ قاتارلىق جەمئىي ئون شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە. جۈملىدىن خالخۇل، بەيتزۇر، گىدور، مائارات، بەيت-ئانوت ۋە ئەلتىقون قاتارلىق ئالتە شەھەر ۋە ئەتراپىدىكى يېزىلار ھەمدە قىريات-بائال (يەنى قىريات-يىئارىم)، رابباھ قاتارلىق ئىككى شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە. چۆلدىكى شەھەرلەر: بەيت-ئارابا، مىددىن، سىكاكا، نىبشان، تۇز شەھىرى ۋە ئېنگەدى قاتارلىق ئالتە شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە. لېكىن يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر يېرۇسالېمدىكى يىبۇسلارنى قوغلاپ چىقىرىۋېتشكە ئامالسىز قالغاچقا، يىبۇسلار ھازىرغا قەدەر يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە شۇ يەردە ياشاپ كەلمەكتە. يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلار: بۇ زېمىنلارنىڭ جەنۇبىي پاسىلى ئىئوردان دەرياسىنىڭ يېنىدىكى ئېرىخا شەھىرىدىن، يەنى ئېرىخا شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى بۇلاقلىقتىن باشلىنىپ، چۆل-باياۋانلارنى كېسىپ ئۆتۈپ، تاغلىق رايوندىكى بەيتەل شەھىرىگىچە سوزۇلىدۇ. جەنۇبىي پاسىل بەيتەل، يەنى لۇز شەھىرىدىن باشلىنىپ، ئاتاروت شەھىرىدىكى ئاركىلارنىڭ زېمىنىغا بارىدۇ. كېيىن يەنە غەربكە سوزۇلۇپ، يافلېتلارنىڭ زېمىنىدىن ئۆتۈپ، ئاستىن بەيت-خورون شەھىرىگىچە بېرىپ، ئۇ يەردىن يەنە گەزەر شەھىرىگىچە سوزۇلۇپ، ئاخىرى ئوتتۇرا دېڭىزغا بېرىپ توختايدۇ. يۈسۈپنىڭ ئوغۇللىرى، يەنى ئەفرايىم بىلەن ماناسسەنىڭ ئەۋلادلىرى ئۆزلىرىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنلارغا ئىگە بولدى. ئەفرايىم قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە بېرىلگەن زېمىنلار: ئۇلارغا تەقسىم قىلىنغان زېمىننىڭ جەنۇبىي پاسىلى شەرقتە ئاتروت-ئاددار شەھىرىدىن باشلىنىپ، ئۈستۈن بەيت-خورون شەھىرىگە تۇتىشىپ، ئوتتۇرا دېڭىزغا بارىدۇ. كېيىن يەنە شىمالدىكى مىكمىتات شەھىرىدىن ئۆتۈپ، شەرقتىكى تائانات-شىلو شەھىرىگە بېرىپ، يانوۋاخ شەھىرىگە تۇتىشىدۇ. كېيىن يەنە يانوۋاخ شەھىرىدىن جەنۇبقا قايرىلىپ، ئۇ يەردىن ئاتاروت، نائارا شەھەرلىرىگىچە سوزۇلۇپ، كېيىن ئېرىخا شەھىرىگە تۇتىشىپ، ئىئوردان دەرياسىدا ئاخىرلىشىدۇ. بۇ پاسىل يەنە تاپپۇۋاخ شەھىرىدىن غەربكە سوزۇلۇپ، قاناھ جىلغىسىنى بويلاپ، ئوتتۇرا دېڭىزغا تۇتىشىدۇ. مانا بۇ ئەفرايىم قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردۇر. ئۇنىڭدىن باشقا، ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىدىكىلەرگە تەقسىم قىلىنىپ بېرىلگەن زېمىنلار ئىچىدە، ئەفرايىم قەبىلىسىگە بېرىلگەن شەھەر ۋە ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بار. ئەفرايىم قەبىلىسى كەنئانلارنى گەزەر شەھىرىدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتمىدى، ئەمما ئۇلار ھازىرغا قەدەر ئەفرايىملارغا ئىشلەمچى بولماقتا. يۈسۈپنىڭ چوڭ ئوغلىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان ماناسسە قەبىلىسىدىكىلەرگە زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلدى. (ماناسسەنىڭ چوڭ ئوغلى ماكىر گىلئادنىڭ ئاتىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى باتۇر جەڭچىلەردىن بولغاچقا، گىلئاد زېمىنى ۋە باشان زېمىنى ئۇلارغا بۇرۇنلا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەنىدى.) ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىدىكى باشقا زېمىنلار ماناسسەنىڭ قالغان ئەۋلادلىرىغا جەمەتلەر بويىچە، يەنى ئابىئەزەر، خېلەق، ئاسرىئېل، شەكەم، خېفەر ۋە شىمىدا قاتارلىق جەمەتلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىلدى. بۇ جەمەتلەر يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسەنىڭ ئەر ئەۋلادلىرى ئىدى. ئەمما خېفەرنىڭ ئوغلى، يەنى گىلئادنىڭ نەۋرىسى، ماكىرنىڭ چەۋرىسى، ماناسسەنىڭ ئەۋرىسى بولغان زىلوفخادنىڭ ئوغلى يوق، پەقەت قىزلىرىلا بار ئىدى. بۇ قىزلارنىڭ ئىسىملىرى ماخلاھ، نوئاھ، خوگلاھ، مىلكاھ ۋە تىرزاھ ئىدى. ئۇلار روھانىي ئەلئازار، نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ: _ پەرۋەردىگار مۇسا پەيغەمبەرگە، قەبىلىمىزدىكى ئەرلەرگە ئوخشاش بىزگىمۇ زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىشنى بۇيرۇغانىدى، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە، تاغىلىرىغا ئوخشاش ئۇلارغىمۇ يەر تەقسىم قىلىپ بەردى. شۇنداق قىلىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدىكى گىلئاد زېمىنى بىلەن باشان زېمىنىدىن باشقا، ماناسسە قەبىلىسىگە يەنە ئون پارچە زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلدى. ماناسسە قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ ئايال ئەۋلادلىرىمۇ ئەر ئەۋلادلارغا ئوخشاش بىر پارچىدىن يەرگە ئىگە بولدى. گىلئاد زېمىنى ماناسسە قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ قالغان ئەر ئەۋلادلىرىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلدى. ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ماناسسە قەبىلىسىنىڭ پاسىلى، شىمالدا ئاشېر قەبىلىسىنىڭ پاسىلىغا تۇتۇشىپ، جەنۇبتا شەكەم شەھىرىگە يېقىن بولغان مىكمىتات شەھىرىگە سوزۇلۇپ، مىكمىتات شەھىرىدىن يەنىمۇ جەنۇبقا ئىلگىرىلەپ، ئېن-تاپپۇۋاخلار ياشاۋاتقان زېمىنغا تۇتىشاتتى. تاپپۇۋاخ شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى زېمىنلار ماناسسە قەبىلىسىگە تەۋە بولدى، ئەمما ماناسسە قەبىلىسى زېمىنىدىكى تاپپۇۋاخ شەھىرى ئەفرايىم قەبىلىسىگە تەۋە ئىدى. ماناسسە قەبىلىسنىڭ جەنۇبىي پاسىلى قاناھ جىلغىسىغا تۇتىشاتتى. ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەھەرلىرى ئىچىدە ئەفرايىم قەبىلىسىگە تەقسىم قىلىنغان شەھەرلەرمۇ بار ئىدى. ئەمما ماناسسە قەبىلىسىنىڭ پاسىلى قاناھ جىلغىسىنىڭ شىمال تەرىپىدىن ئۆتۈپ، ئوتتۇرا دېڭىزغا تۇتىشاتتى. ئەفرايىم زېمىنى بولسا قاناھ جىلغىسىنىڭ جەنۇبىدا، ماناسسە قەبىلىسىنىڭ زېمىنى بولسا دەريانىڭ شىمالىدا ئىدى. ئوتتۇرا دېڭىز بولسا ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي پاسىلى بولۇپ، ئۇلارنىڭ زېمىنى شىمالدا ئاشېر قەبىلىسىنىڭ پاسىلىغا، غەربتە ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ پاسىلىغا تۇتىشاتتى. ماناسسە قەبىلىسىگە بېرىلگەن بەيتشان، يىبلىئام، دور، يەنى نافەتدور، ئېندور، تاناك ۋە مىگىددو قاتارلىق شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار ئىسساكار قەبىلىسى بىلەن ئاشېر قەبىلىسىنىڭ زېمىنى ئىچىدە ئىدى. ئەمما ماناسسە قەبىلىسى بۇ شەھەرلەرنى ئىگىلىيەلمىدى. شۇ زېمىنلاردا ياشاۋاتقان كەنئانلار داۋاملىق شۇ يەردە ياشاۋەردى. كېيىن ئىسرائىللار كۈچەيگەندىن كېيىن، ئۇلار كەنئانلارنى ئىشلەمچى قىلىپ ئىشلەتتى. ئەمما ئۇلارنى بۇ زېمىنلاردىن پۈتۈنلەي قوغلاپ چىقارمىدى. يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى يوشۇۋانىڭ ئالدىغا كېلىپ: _ پەرۋەردىگار بىزگە بەرىكەت بەردى. بىزنىڭ ئادەملىرىمىز شۇنچە كۆپ تۇرسا، سەن نېمە ئۈچۈن بىزگە بىر پارچىلا زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىسەن؟ _ دەپ سورىدى. يوشۇۋا ئۇلارغا: _ ئەگەر ئادەملىرىڭلار شۇنچە كۆپ بولسا، ئەفرايىم تاغلىق رايونى سىلەرگە يەتمىگەن بولسا، ئورمانلىقتا ياشاۋاتقان پەرىززىلەر ۋە رافاھلارنىڭ زېمىنىغا بېرىپ، ئورمانلارنى كېسىپ ئۆزۈڭلارغا جاي قىلىڭلار، _ دېدى. يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى جاۋاب قايتۇرۇپ: _ ئەفرايىم تاغلىق رايونى بىزگە تارلىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈزلەڭلىكتىكى بەيتشان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار ۋە يىزرىئەل جىلغىسىدا ياشاۋاتقان كەنئانلارنىڭ تۆمۈر بىلەن مۇستەھكەملەنگەن جەڭ ھارۋىلىرىمۇ بار، _ دېيىشتى. يوشۇۋا يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئەفرايىم ۋە ماناسسە قەبىلىسىدىكىلەرگە مۇنداق دېدى: _ سىلەر شۇنچە كۆپ ۋە كۈچلۈك ئىكەنسىلەر، سىلەرگە بىر ئۈلۈشتىن كۆپ زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلىشى كېرەك. تاغلىق رايونلارمۇ سىلەرگە تەۋە بولسۇن. ئۇ يەرلەر گەرچە ئورمانلىق بولسىمۇ، سىلەر ئورمانلارنى كېسىپ، شۇ جايلارنى ئۆزۈڭلارغا زېمىن قىلىڭلار. كەنئانلار كۈچلۈك ھەم ئۇلارنىڭ تۆمۈر بىلەن مۇستەھكەملەنگەن جەڭ ھارۋىلىرى بولسىمۇ، سىلەر ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىۋېتەلەيسىلەر. ئىسرائىللار پۈتۈن زېمىنلارنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، پۈتكۈل خەلق شىلو شەھىرىگە يىغىلىپ، ئۇچرىشىش چېدىرى تىكتى. ئىسرائىللارنىڭ يەنە يەتتە قەبىلىسىگە تېخى زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلمىگەنىدى. يوشۇۋا ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار _ سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلغان خۇدا سىلەرگە بەرگەن زېمىنلارنى قاچانغىچە ئىگىلىمەي تۇرىسىلەر؟ سىلەر ھازىرلا ھەربىر قەبىلىدىن ئۈچ ئادەم تاللاڭلار، مەن ئۇلارنى شۇ زېمىنلارنى چارلاشقا ئەۋەتىمەن. ئۇلار ئۆز قەبىلىلىرىنىڭ پاسىللىرىنى بېكىتىپ، خەرىتىسىنى سىزىپ، مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كەلسۇن. بۇ زېمىنلار يەتتە پارچىغا بۆلۈنسۇن. جەنۇبتىكى زېمىنلار يەھۇدا قەبىلىسىگە، شىمالدىكى زېمىنلار يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىغا قالدۇرۇلسۇن. سىلەر بۇ يەتتە پارچە زېمىننىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىپ، مېنىڭ يېنىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، ئاندىن مەن بۇ زېمىنلارنى پەرۋەردىگارىمىز _ خۇدانىڭ ئالدىدا سىلەر ئۈچۈن چەك تاشلاپ، ھەربىر قەبىلىگە تەقسىم قىلىپ بېرىمەن. لېكىن لاۋىي قەبىلىسىگە ھېچقانداق زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلمەيدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ زېمىنى، يەنى نېسىۋىسى پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيسى بولۇشتۇر. گاد قەبىلىسى، رۇبېن قەبىلىسى ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمى ئۆزلىرىگە تەۋە زېمىنغا ئىگە بولۇپ بولغان. ئۇلارغا بۇ زېمىننى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىن بەرگەن. چارلىغۇچىلار مېڭىش ئالدىدا، يوشۇۋا ئۇلارغا يەنە تاپىلاپ: _ سىلەر پۈتۈن زېمىنلارنى چارلاپ، خەرىتىسىنى سىزىپ كېلىڭلار. سىلەر قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مەن شىلودا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سىلەر ئۈچۈن چەك تاشلايمەن. چارلىغۇچىلار پۈتۈن زېمىننى چارلاپ، ئۇنى يەتتە پارچىغا بۆلۈپ، ھەربىر پارچىدىكى شەھەرلەرنى تىزىملاپ چىقتى. ئۇلار قايتىپ كېلىپ، شىلودىكى قارارگاھتا يوشۇۋا بىلەن كۆرۈشتى. يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بۇ زېمىنلارنى ھەرقايسى قەبىلىلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىش ئۈچۈن چەك تاشلىدى. بىرىنچى چەك بىنيامىن قەبىلىسىگە چىقتى. ئۇلارغا جەمەتلىرى بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىن، يەھۇدا بىلەن يۈسۈپ قەبىلىسىنىڭ زېمىنى ئوتتۇرىسىدا ئىدى. بۇ زېمىننىڭ شىمالىي پاسىلى ئىئوردان دەرياسىدىن باشلىنىپ، ئېرىخا شەھىرىنىڭ شىمالىدىن يۇقىرىلاپ، غەربكە بۇرۇلۇپ تاغلىق رايونغا كىرىپ، ئاندىن بەيتئاۋەن چۆللۈكىگە بارىدۇ. بۇ يەردىن لۇز، يەنى بەيتەل شەھىرىگە تۇتىشىپ، ئاستىن بەيت-خورون شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى ئېدىرلىققا جايلاشقان ئاتروت-ئاددار شەھىرىگە تۇتىشىدۇ. بۇ يەردىن يەنە جەنۇبقا بۇرۇلۇپ، بەيت-خورون شەھىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئېدىرلىقنىڭ غەربىي قىرغىقىنى بويلاپ، يەھۇدا قەبىلىسىگە تەۋە بولغان قىريات-بائال، يەنى قىرئات-يىئارىم شەھىرىدە ئاخىرلىشىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ غەربىي پاسىلىدۇر. جەنۇبىي پاسىلى بولسا قىرئات-يىئارىم شەھىرىنىڭ غەربىدىن باشلىنىپ، نەفتوۋاخ بۇلاقلىرىغا تۇتىشىدۇ. كېيىن يەنە رافاھلار جىلغىسىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى ۋە بەنھىننوم جىلغىسى يېنىدىكى ئېدىرلىقتىن تۆۋەنگە قاراپ، ھىننوم جىلغىسىنى بويلاپ، يىبۇسلار شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى ئېدىرلىقتىن ئۆتۈپ، روگېل بۇلىقىغا بارىدۇ. بۇ پاسىل يەنە ئۇ يەردىن شىمالغا قايرىلىپ ئېنشەمەشكە بېرىپ، ئادۇممىم داۋىنىنىڭ قارشىسىدىكى گىلىلوتقا تۇتىشىدۇ. كېيىن رۇبېننىڭ ئوغلى بوھاننىڭ نامى بىلەن ئاتالغان تاشقىچە بېرىپ، ئۇ يەردىن يەنە ئارابا رايونىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئېدىرلىقنىڭ شىمالىنى بويلاپ ئۆتۈپ، ئارابا رايونىغا تۇتىشىدۇ. ئۇ يەردىن بەيت-خوگلانىڭ شىمالىي تەرىپىگە تۇتىشىپ، تۇز دېڭىزىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى ئىئوردان دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى قۇيۇلۇش ئېغىزىدا ئاخىرلىشىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ جەنۇبىي پاسىلىدۇر. ئىئوردان دەرياسى بولسا ئۇلارنىڭ شەرقىي پاسىلى ئىدى. مانا بۇ تۆت تەرىپى چېگرالانغان زېمىنلار بىنيامىن قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردۇر. بىنيامىن قەبىلىسىگە بېرىلگەن شەھەرلەر: ئېرىخا، بەيت-خوگلا، ئېمەق-قىزىز، بەيت-ئارابا، زىمارايىم، بەيتەل، ئاۋۋىم، پاراھ، ئوفراھ، كىفار-ئاممونا، ئوفنى، گەبا قاتارلىق 12 شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە. يەنە گىبئون، راماھ، بەئەروت، مىزپاھ، كىفىرا، موزاھ، رەقەم، يىرپىئېل، تارئالا، زېلا، ھائەلەف، يىبۇس (يېرۇسالېم)، گىبئاھ، قىريات قاتارلىق 14 شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە. مانا بۇلار بىنيامىن قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردۇر. ئىككىنچى چەك شىمون قەبىلىسىگە چىقتى. ئۇلارغا جەمەتلىرى بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىن، يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ زېمىنى ئىچىدىدۇر. بۇ زېمىندا بەئەرشەبا، مولادا، خازار-شۇئال، بالاھ، ئەزەم، ئەلتولاد، بىتۇل، خۇرماھ، زىقلاق، بەيت-ماركابوت، خازار-سۇساھ، بەيت-لىبائوت ۋە شارۇخەن قاتارلىق 13 شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە. شىمون قەبىلىسى ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئايىن، رىممون، ئەتەر ۋە ئاشان قاتارلىق تۆت شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارغا ئىگە بولدى. بۇ زېمىن يەنە بائالات-بىئېر، يەنى نەگېب چۆللۈكىدىكى راماھ شەھىرىگىچە بولغان بارلىق شەھەر ۋە يېزىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ زېمىنلار شىمون قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلدى. يوشۇۋا يەھۇدا قەبىلىسىگە ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىدىنمۇ ئارتۇق زېمىن تەقسىم قىلىپ بەرگەنىدى، شۇڭا يەھۇدا قەبىلىسى شىمون قەبىلىسىگە ئۆز زېمىنىدىن يەر ئاجرىتىپ بەردى. ئۈچىنچى چەك زەبۇلۇن قەبىلىسىگە چىقتى. ئۇلارغا جەمەتلىرى بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىننىڭ پاسىلى سارىد شەھىرىدىن باشىلىنىپ، غەربكە سوزۇلۇپ، مارئالا شەھىرىدىن ئۆتۈپ، داببەشەت شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن يوقنىئام شەھىرىنىڭ يېنىدىكى جىلغىغىچە تۇتىشىدۇ. قارشى تەرەپتە سارىد شەھىرىدىن شەرقىي تەرەپكە سوزۇلۇپ، كىسلوت-تابور شەھىرىنىڭ پاسىلىغا بېرىپ، ئۇ يەردىن دابىرات شەھىرىگىچە سوزۇلۇپ، يەنە يۇقىرىلاپ يافىيا شەھىرىگە تۇتىشىدۇ. ئاندىن شەرققە داۋاملىشىپ گاتخېفەر شەھىرى، ئېتقازىن شەھىرى ۋە رىممون شەھەرلىرىدىن ئۆتۈپ، نېئاھ شەھىرىگە بۇرۇلىدۇ. زەبۇلۇنلارنىڭ شىمالىي پاسىلى خانناتون شەھىرىدىن ئۆتۈپ، يىفتاخئېل جىلغىسىدا ئاخىرلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ زېمىنى جەمئىي 12 شەھەر بولۇپ، قاتتات، ناخالال، شىمرون، يىدئالا ۋە بەيتلەھەم شەھەرلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. مانا بۇ شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار زەبۇلۇن قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردۇر. تۆتىنچى چەك ئىسساكار قەبىلىسىگە چىقتى. ئۇلارغا جەمەتلىرى بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىن تۆۋەندىكى شەھەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: يىزرىئەل، كىسۇللوت، شۇنېم، خافارايىم، شىئون، ئاناخارات، راببىت، قىشيون، ئەبەز، رەمەت، ئېنگاننىم، ئېنخاددا ۋە بەيت-پاززېز. ئۇلارنىڭ زېمىنى تابور، شاخازىما ۋە بەيت-شەمەش شەھەرلىرىگە تۇتىشىپ، ئىئوردان دەرياسىدا ئاخىرلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ زېمىنى 16 شەھەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە. ئىسساكار قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلار يۇقىرىدىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارغا قاراشلىق يېزىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاللاممەلەك، ئاماد ۋە مىشئال قاتارلىق شەھەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ غەربىي پاسىلى كارمەل تېغى ۋە شىخور-لىبنات شەھىرىگە تۇتىشىدۇ. كېيىن يەنە شەرققە بۇرۇلۇپ، بەيت-داگون شەھىرىگە سۇزۇلۇپ، زەبۇلۇن قەبىلىسىدىكى يىفتاخئېل جىلغىسىغىچە بارىدۇ. ئۇ يەردىن شىمالغا بۇرۇلۇپ، بەيت-ئېمەق ۋە نىئىئەل شەھەرلىرىگىچە بېرىپ، ئۇ يەردىن داۋاملىق شىمالغا ئىلگىرىلەپ، قابۇل، ئەبرون، رىخوب، خاممون، قاناھ شەھىرىگە بېرىپ ۋە تېخىمۇ يىراقلاپ ئۇدۇل بۈيۈك سىدون شەھىرىگە تۇتىشىدۇ. بۇ پاسىل يەنە راماھ شەھىرى ۋە سېپىللىرى مۇستەھكەم تىر شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن يەنە خوساھ شەھىرىگە بۇرۇلۇپ، ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى ماخالاب ۋە ئاكزىب شەھىرىگە يېقىن رايونلارغا بارىدۇ. ئۇلارنىڭ زېمىنىدا ئۇمماھ، ئافېق ۋە رىخوب قاتارلىق 22 شەھەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. مانا بۇ شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار ئاشېر قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردۇر. غەربىي پاسىلى ئازنوت-تابور شەھىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ، خۇقوق شەھىرىگە بارىدۇ. بۇ پاسىلنىڭ جەنۇب تەرىپى زەبۇلۇن قەبىلىسىگە، غەرب تەرىپى ئاشېر قەبىلىسىگە، شەرق تەرىپى ئىئوردان دەرياسىغا تۇتىشىدۇ. ئۇلارنىڭ زېمىنىدا مۇستەھكەم سېپىل بىلەن قورشالغان تۆۋەندىكى شەھەرلەر بار: زىددىم، زېر، خاممات، راققات، كىننەرەت، ئاداما، راماھ، خازور، قەدەش، ئەدرەئى، ئېنخازور، يىرئون، مىگدالئېل، خورېم، بەيت-ئانات ۋە بەيت-شەمەش قاتارلىق جەمئىي 19 شەھەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مانا بۇ شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار نافتالى قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردۇر. شائالاببىن، ئاييالون، يىتلاھ، ئېلون، تىمناھ، ئەقرون، ئەلتىقې، گىببىتون، بائالات، يىھۇد، بىنەبىراق، گاترىممون، مېيارقون، راققون شەھىرى ۋە جاففا شەھىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى زېمىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما دان قەبىلىسى بۇ زېمىنلارغا ئىگە بولالمىدى. ئۇلار باشقا يەرگە بېرىپ، لەشەم شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، بۇ شەھەرنى ئىگىلىدى ھەمدە بۇ شەھەرنىڭ خەلقىنى قىلىچ بىلەن قىرغىن قىلىپ، ئۆزلىرى بۇ شەھەرگە ئورۇنلاشتى. ئۇلار بۇ شەھەرنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىپ، ئەجدادلىرىنىڭ نامى بىلەن «دان» دەپ ئاتاشتى. مانا بۇ شەھەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار دان قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردۇر. بارلىق قەبىلىلەرگە زېمىنلار بۆلۈپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئىسرائىللار نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋاغىمۇ زېمىن تەقسىم قىلىپ بەردى. پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە ئىسرائىللار يوشۇۋاغا ئۆزى تاللىغان شەھەرنى تەقسىم قىلىپ بەردى. ئۇ ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى تىمنات-سەراخ شەھىرىنى تاللىۋالغانىدى. ئۇ بۇ شەھەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىپ، ئۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالدى. يۇقىرىدىكى زېمىنلارنى روھانىي ئەلئازار، نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ۋە قەبىلە ئاقساقاللىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا، شىلونىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى ئۇچرىشىش چېدىرىدا چەك تاشلاپ، ئىسرائىللارغا تەقسىم قىلىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىش تاماملاندى. پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: _ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، مەن مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق ساڭا ئەمر قىلغىنىمدەك، ئۇلار پاناھلىنىدىغان شەھەرلەرنى بېكىتىپ چىقسۇن. ھەرقانداق بىر كىشى بىراۋنى بىخەستەلىك قىلىپ، مەقسەتسىز ھالدا ئۆلتۈرۈپ قويسا، ئۇ شۇ شەھەرلەرنىڭ بىرىگە قېچىپ بېرىپ، پاناھلانسا بولىدۇ. ئۇ بۇ شەھەردە ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ قىساس ئېلىشىدىن ئۆزىنى ساقلاپ قالالايدۇ. لېكىن ئۇ كىشى شۇ شەھەرلەرنىڭ بىرىگە قېچىپ بېرىپ پاناھلانماقچى بولغاندا، شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا تۇرۇپ، بۇ شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىغا ئۆز قىلمىشىنى بايان قىلسۇن. ئۇلار چوقۇم ئۇ كىشىنى شەھەرگە كىرىشكە يول قويسۇن ۋە ئۇنىڭغا شۇ شەھەردىن تۇرىدىغان جاي كۆرسىتىپ بەرسۇن. ئەگەر ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقانلىرى قىساس ئېلىش ئۈچۈن قوغلاپ كەلسە، ئاقساقاللار ھەرگىزمۇ ئۆلتۈرگۈچىنى ئۇلارغا چىقىرىپ بەرمەسلىكى كىرەك. چۈنكى ئۆلتۈرگۈچى ئۆلگۈچىنى قەستەن ئۆلتۈرمىگەن، شۇنداقلا بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن ئاداۋىتىمۇ بولمىغان. ئەمما ئۆلتۈرگۈچى جامائەت ئالدىدا سوراق قىلىنىپ، ئۇنىڭغا ھۆكۈم چىقىرىلغۇچە، شۇ يەردە تۇرۇشى كېرەك. ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىتتىكى باش روھانىي ئۆلۈپ كەتكۈچە ئۆلتۈرگۈچى چوقۇم شۇ شەھەردە تۇرۇشى كىرەك. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆلتۈرگۈچى ئەركىن بولۇپ، ئۆزى قېچىپ كەلگەن شەھەرگە قايتسا بولىدۇ. نافتالى قەبىلىسىنىڭ تاغلىق رايونىنىڭ جەلىلىيەدىكى قەدەش شەھىرى، ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ تاغلىق رايونىدىكى شەكەم شەھىرى، يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ تاغلىق رايونىدىكى قىريات-ئاربا، يەنى ھىبرون شەھىرى قاتارلىق شەھەرلەر پاناھلىنىش ئۈچۈن بېكىتىلگەن شەھەرلەردۇر. ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى، يەنى ئېرىخا شەھىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى رۇبېن قەبىلىسىنىڭ ئېگىزلىكىدىكى چۆللۈككە جايلاشقان بەزەر شەھىرى، گاد قەبىلىسىنىڭ زېمىنىغا جايلاشقان گىلئادتىكى راموت شەھىرى، ماناسسە قەبىلىسىنىڭ زېمىنىغا جايلاشقان باشان رايونىدىكى گولان شەھىرى قاتارلىق شەھەرلەر پاناھلىنىش ئۈچۈن بېكىتىلگەن شەھەرلەردۇر. بۇ شەھەرلەر بارلىق ئىسرائىللار ۋە شۇ زېمىندا ياشاۋاتقان سىرىتتىن كەلگەنلەر ئۈچۈن پاناھلىنىدىغان شەھەرلەر قىلىپ بېكىتىلگەن. ھەرقانداق بىر كىشى بىراۋنى بىخەستەلىك قىلىپ، مەقسەتسىز ھالدا ئۆلتۈرۈپ قويسا، شۇ شەھەرلەرنىڭ بىرىگە قېچىپ بېرىپ پاناھلانسا بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۇلار جامائەت ئالدىدا سوراق قىلىنىشتىن بۇرۇن، قىساس ئالغۇچىلارنىڭ ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن ساقلىنالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە لاۋىي قەبىلىسىگە ئۆزلىرىگە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىندىن تۆۋەندىكى شەھەرلەرنى ۋە ئوتلاقلارنى ئايرىپ بەردى. چەك تاشلاش ئارقىلىق لاۋىي قەبىلىسنىڭ قوھات جەمەتىدىن بولغان ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا يەھۇدا، شىمون ۋە بىنيامىن قەبىلىسىگە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىندىكى 13 شەھەر ئايرىپ بېرىلدى. يەنە چەك تاشلاش ئارقىلىق، قوھات جەمەتىنىڭ باشقا ئەۋلادلىرىغا ئەفرايىم، دان ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىندىكى 10 شەھەر ئايرىپ بېرىلدى. يەنە چەك تاشلاش ئارقىلىق، گېرشون جەمەتىگە ئىسساكار، ئاشېر، نافتالى ۋە باشاندىكى ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىندىكى 13 شەھەر ئايرىپ بېرىلدى. مىرارى جەمەتىگىمۇ چەك تاشلاش ئارقىلىق رۇبېن، گاد ۋە زەبۇلۇن قەبىلىسىگە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىندىكى 12 شەھەر ئايرىپ بېرىلدى. شۇنداق قىلىپ ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە بۇيرۇغىنى بويىچە يۇقىرىقى شەھەر ۋە ئوتلاقلارنى لاۋىي قەبىلىسىگە چەك تاشلاش ئارقىلىق ئايرىپ بەردى. يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ تاغلىق رايونىدىكى قىريات-ئاربا، يەنى ھىبرون شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنىمۇ ئۇلارغا ئايرىپ بەردى (ئاربا ئاناقنىڭ ئەجدادى ئىدى). ئەمما شەھەرنىڭ سىرتىدىكى دالىلار ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار بۇرۇنلا يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىبنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىشىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا ھىبرون شەھىرى (بىخەستەلىك قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلارنىڭ پاناھلىنىدىغان شەھەرلىرىنىڭ بىرى)، لىبناھ، ياتتىر، ئەشتىموۋا، خولون، دىبىر، ئايىن، يۇتتاھ ۋە بەيت-شەمەش قاتارلىق توققۇز شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىپ بەردى. ئىسرائىللارنىڭ بىنيامىن قەبىلىسىدىن ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا گىبئون، گەبا، ئاناتوت ۋە ئالمون قاتارلىق تۆت شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار ئايرىپ بېرىلدى. روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا جەمئىي 13 شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار ئايرىپ بېرىلدى. لاۋىي قەبىلىسىدىكى قوھات جەمەتىنىڭ باشقا ئەۋلادلىرىغا ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ شەھەرلىرى ئايرىپ بېرىلدى. ئىسرائىللار ئۇلارغا تاغلىق رايوندىكى ئەفرايىمنىڭ شەكەم شەھىرى (بىخەستەلىك قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلارنىڭ پاناھلىنىدىغان شەھەرلىرىنىڭ بىرى)، گەزەر، قىبزايىم ۋە بەيت-خورون شەھەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار بولۇپ، جەمئىي 4 شەھەرنى ئايرىپ بەردى. ئىسرائىللار ئۇلارغا يەنە دان قەبىلىسىدىن ئەلتىقې، گىببىتون، ئاييالون، گاترىممون ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار بولۇپ، جەمئىي 4 شەھەرنى ئايرىپ بەردى. ئۇلارغا يەنە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىدىن تاناك، گاترىممون ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار بولۇپ، جەمئىي 2 شەھەرنى ئايرىپ بەردى. قوھات جەمەتىنىڭ قالغان ئەۋلادلىرى 10 شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى. لاۋىي قەبىلىسىنىڭ باشقا جەمەتىدىن بولغان گېرشوننىڭ ئەۋلادلىرى ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى: باشاندىكى گولان (بىخەستەلىك قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلارنىڭ پاناھلىنىدىغان شەھەرلىرىنىڭ بىرى) ۋە بىئەشتىرادىن ئىبارەت 2 شەھەر. ئىسساكار قەبىلىسىدىن تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى: قىشيون، دابىرات، يارمۇت ۋە ئېنگاننىمدىن ئىبارەت 4 شەھەر. ئاشېر قەبىلىسىدىن تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى: مىشئال، ئابدون، خەلقات ۋە رىخوبتىن ئىبارەت 4 شەھەر. نافتالى قەبىلىسىدىن تۆۋەندىكى شەھەرلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى: جەلىلىيەدىكى قەدەش (بىخەستەلىك قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلارنىڭ پاناھلىنىدىغان شەھەرلىرىنىڭ بىرى)، خامموتدور ۋە قارتاندىن ئىبارەت 3 شەھەر. شۇنداق قىلىپ، جەمئىي 13 شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار گېرشون جەمەتىگە ئايرىپ بېرىلدى. لاۋىي قەبىلىسىنىڭ قالغان جەمەتلىرىدىن مىرارى جەمەتى، زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن تۆۋەندىكى 4 شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى: يوقنىئام، قارتاھ، دىمناھ ۋە ناخالال قاتارلىق شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار. رۇبېن قەبىلىسىدىن تۆۋەندىكى 4 شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى: بەزەر، ياھاز، قىدېموت ۋە مېفائات قاتارلىق شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار. گاد قەبىلىسىدىن تۆۋەندىكى 4 شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى: گىلئادتىكى راموت (بىخەستەلىك قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلارنىڭ پاناھلىنىدىغان شەھەرلىرىنىڭ بىرى)، ماخانايىم، خەشبون ۋە يازېر قاتارلىق شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار. شۇنىڭ بىلەن مىرارى جەمەتى (لاۋىي قەبىلىسىنىڭ قالغان جەمەتلىرى) 12 شەھەرگە ئىگە بولدى. ئىسرائىللار زېمىنىدىن جەمئىي 48 شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار لاۋىي قەبىلىسىگە ئايرىپ بېرىلدى. بۇ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەتراپىدا ئوتلاقلىرى بار ئىدى. شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئەجدادلىرىغا ۋەدە قىلغان بارلىق زېمىننى ئۇلارغا بەردى. ئىسرائىللار بۇ زېمىنلارغا ئىگە بولۇپ، شۇ يەرلەردە ئولتۇراقلاشتى. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا ۋەدە قىلغىنى بويىچە پۈتۈن زېمىنغا ئامانلىق بەردى. ھېچقانداق بىر دۈشمەن ئۇلارغا قارشى تۇرالمىدى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ بارلىق دۈشمەنلىرىنى ئۇلارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەرگەنىدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىل خەلقىگە بەرگەن بارلىق ۋەدىسىنىڭ ھەممىسى بىرىمۇ قالماي ئەمەلگە ئاشتى. يوشۇۋا رۇبېن، گاد ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى قەبىلىلەرنى چاقىرىپ ئۇلارغا: _ سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر سىلەرگە بۇيرۇغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلدىڭلار، شۇنداقلا مېنىڭ بۇيرۇقلىرىمغىمۇ بويسۇندۇڭلار. شۇنچە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە، سىلەر بۇ ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىكى قېرىنداشلىرىڭلارنى تاشلىۋەتمىدىڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئىزچىل بويسۇنۇپ كەلدىڭلار. ھازىر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۆز ۋەدىسى بويىچە سىلەرگە ئامانلىق بەردى. سىلەر ئەمدى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر سىلەرگە تەقسىم قىلىپ بەرگەن زېمىنلاردىكى يۇرتۇڭلارغا قايتىڭلار. مۇسا پەيغەمبەرنىڭ بارلىق كۆرسەتمىسى ۋە بۇيرۇقلىرىغا چوقۇم ياخشى ئەمەل قىلىڭلار! پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى سۆيۈڭلار، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن يولىدا مېڭىڭلار، ئەمرلىرىگە بويسۇنۇڭلار، ئۇنىڭغا سادىق بولۇڭلار، چىن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدىڭلار بىلەن خىزمەت قىلىڭلار! _ دېدى. كېيىن يوشۇۋا ئۇلارغا بەخت تىلەپ، ئۇزىتىپ قويدى. ھەممىسى ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىشتى. مۇسا پەيغەمبەر ماناسسەنىڭ شەرقىي يېرىم قەبىلىسىگە ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى باشان زېمىنىنى تەقسىم قىلىپ بەرگەنىدى (ئۇلارنىڭ قالغان يېرىم قەبىلىسىگە ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىدىن زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن). يوشۇۋا ئۇلارغىمۇ بەخت تىلەپ، ئۆز يۇرتلىرىغا ئۇزىتىپ قويدى. يوشۇۋا ئۇلارغا: _ دۈشمەنلىرىڭلاردىن ئولجا ئالغان مال-چارۋا، ئالتۇن-كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈر ۋە كىيىم-كېچەك قاتارلىق بايلىقلارنى ئېلىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭلار بىلەن ئورتاق بۆلۈشۈڭلار، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن رۇبېن، گاد ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى قەبىلىلەر كەنئان زېمىنىنىڭ شىلو شەھىرىدە قالغان ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىن ئايرىلدى. ئۇلار گىلئادتىكى ئۆزىگە تەۋە بولغان زېمىنغا قاراپ يول ئالدى. بۇ زېمىنلارنى پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق بۇيرۇپ بەرگەنىدى. رۇبېن، گاد ۋە ماناسسەنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى قەبىلىلەر كەنئان زېمىنىدىن چىقماي تۇرۇپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىغا كەلگەندە، ئۇ يەردە ئىنتايىن ھەيۋەتلىك بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىدى. ئىسرائىللارنىڭ قالغان قەبىلىلىرىگە رۇبېن، گاد ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى قەبىلىلەرنىڭ كەنئان زېمىنىنىڭ پاسىلىدىكى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىدىكى گىلىلوتتا بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىغانلىق خەۋىرى يېتىپ كەلدى. ئۇلار بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بارلىق ئادەملىرى شىلوغا يىغىلىپ، رۇبېن، گاد ۋە ماناسسەنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى قەبىلىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلماقچى بولۇشتى. ئەمما ئۇلار ئەلئازارنىڭ ئوغلى روھانىي پىنىخاسنى گىلئاد زېمىنىدىكى رۇبېن، گاد ۋە ماناسسەنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى قەبىلىلەرگە ئەۋەتتى، يەنى ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرى ئۆز جەمەتلىرىدىن بىردىن ئاقساقالنى تاللاپ، جەمئىي ئون ئادەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە باردى. ئۇلار گىلئاد زېمىنىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، رۇبېن، گاد ۋە ماناسسەنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى قەبىلىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ بىز، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتى سىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ئاسىيلىق قىلغانلىقىڭلارنى بىلمەكچى بولۇپ كەلدۇق. سىلەر نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇنىڭغا قارشى ھالدا ئۆزۈڭلارغا بىر قوربانلىق سۇپىسى ياسىدىڭلار؟ ئەجدادلىرىمىزنىڭ پىئوردا پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ ئۆتكۈزگەن ئېغىر گۇناھىنى ئۇنتۇپ قالدىڭلارمۇ؟ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقى بولسىمۇ، پەرۋەردىگار يەنىلا ئۇلارنى يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن جازالىغانىدى، بىز بۇ گۇناھتىن تېخىچە پاكلانغىنمىز يوق! بۈگۈن سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا مېڭىشتىن يۈز ئۆرۈدۈڭلار. سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلساڭلار، ئەتە پەرۋەردىگار ھەممىمىزگە غەزىپىنى ياغدۇرىدۇ. ئەگەر سىلەر زېمىنىڭلارنى ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ناپاك دەپ ئويلىساڭلار، ئۇنداقتا بىزنىڭ زېمىنىمىزغا كېلىڭلار. بىزنىڭ يېرىمىزگە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرى تىكىلگەن، ئۇنى سىلەر بىلەن تەڭ ئورتاقلىشايلى. ئەمما، پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ قۇربانلىق سۇپىسىدىن باشقا، يەنە بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساشتەك ئاسىيلىق قىلمىشىڭلار بىلەن، پەرۋەردىگارغا ۋە بىزگە قارشى چىقماڭلار. زەراخ جەمەتىدىن بولغان ئاكان پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نەرسىنى ئوغرىلاپ گۇناھ قىلغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بارلىق ئىسرائىل خەلقىگە ياغمىدىمۇ؟ ئاشۇ بىر ئادەمنىڭ گۇناھى ئۈچۈن نۇرغۇن ئادەم ئۆلۈپ كەتتىغۇ؟! رۇبېن، گاد ۋە ماناسسەنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى قەبىلىلەر ئىسرائىللارنىڭ بۇ ئاقساقاللىرىغا مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىشتى: _ ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا، ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا! ئۇ ئۆزى بىلىدۇ! پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى بىلسۇن! بىز قۇربانلىق سۇپىسىنى پەرۋەردىگارغا قارشى چىقىش ياكى ئۇنىڭغا بويسۇنماسلىق ئۈچۈن ياسىمىدۇق. ئەگەر بىز شۇنداق خىيالدا ياسىغان بولساق، بىزگە رەھىم قىلماڭلار! ئەگەر بىز پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈش مەقسىتىدە ياكى كۆيدۈرمە قۇربانلىقى، ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى قىلىش ئۈچۈن قۇربانلىق سۇپىسى ياسىغان بولساق، پەرۋەردىگار بىزنى جازالىسۇن. بۇ قۇربانلىق سۇپىسىنى ياساشتىكى مەقسىتىمىز، كەلگۈسىدە سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلار بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزغا: «پەرۋەردىگارىمىز _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بىلەن نېمە مۇناسىۋىتىڭلار بار؟ پەرۋەردىگار ئىئوردان دەرياسىنى بىز بىلەن سىلەرنىڭ، يەنى رۇبېن بىلەن گاد قەبىلىسىنىڭ پاسىلى قىلغان. سىلەرنىڭ بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىزغا ئىبادەت قىلىدىغان ھېچقانداق ھوقوقۇڭلار يوق» دەپ، بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزنى پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشتىن توسۇپ قويۇشىدىن قورقتۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇ قۇربانلىق سۇپىسىنى ياساشنى قارار قىلدۇق. بۇنى ياساشتىكى مەقسەت، قۇربانلىق ياكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى دەلىل-ئىسپات ئۈچۈندۇر. يەنى بۇ، سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا، شۇنداقلا بىزلەرنىڭ ئەۋلادلىرىمىز ئارىسىدا مۇقەددەس چېدىردا پەرۋەردىگارغا ئۆزىمىزنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقى، ئامانلىق قۇربانلىقى ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى قىلىش بىلەن پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىش ھوقۇقىمىزنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈندۇر. شۇنداق بولغاندا سىلەرنىڭ ئەۋلادىڭلار بىزنىڭ ئەۋلادىمىزنى «پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىش ھوقۇقۇڭلار يوق» دەپ، توسۇپ قويالمايدۇ. ئەگەر سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلار شۇنداق دېسە، بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىز: «ئەجدادلىرىمىز پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىغا ئوپمۇئوخشاش قىلىپ ياسىغان پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلىش سۇپىسىغا قاراڭلار. بۇ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى باشقا قۇربانلىقلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بۇ، بىزنىڭمۇ پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىمىزنىڭ دەلىل-ئىسپاتى ئۈچۈندۇر» دەيدۇ. بىز ھەرگىز پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈپ، ئاسىيلىق قىلمايمىز. پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئىبادەت چېدىرى ئالدىدىكى قۇربانلىق سۇپىسىدىن باشقا، ھەرقانداق بىر قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە ياكى باشقا قۇربانلىقلارنى قىلمايمىز. روھانىي پىنىخاس ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگەن ئىسرائىللارنىڭ قەبىلە ئاقساقاللىرى، يەنى ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ ئۆز جەمەتلىرىنىڭ ئاقساقاللىرى رۇبېن، گاد ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى قەبىلىلەردىن بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قايىل بولۇشتى. ئەلئازارنىڭ ئوغلى روھانىي پىنىخاس ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: _ بىز بۈگۈن پەرۋەردىگارنىڭ بىز بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگارغا ساداقەتسىزلىك قىلمىدىڭلار، يەنى سىلەر ئىسرائىللارنى پەرۋەردىگارنىڭ گۇمران قىلىشىدىن ساقلاپ قالدىڭلار. ئەلئازارنىڭ ئوغلى روھانىي پىنىخاس ۋە باشقا ئاقساقاللار گىلئادتىكى رۇبېن ۋە گاد قەبىلىلىرىدىن ئايرىلىپ، كەنئان زېمىنىغا قايتىپ كېلىپ، ئۇ يەردىكى ئىسرائىللارغا بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى. ئىسرائىللار بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن خاتىرجەم بولۇشتى ۋە خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشتى. ئۇلار رۇبېن ۋە گاد قەبىلىلىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىنى ۋەيران قىلىشنى قايتا ئېغىزغا ئالمىدى. رۇبېن ۋە گاد قەبىلىلىرى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئىسمىنى «گۇۋاھلىق سۇپىسى» دەپ ئاتاپ، ئۇلار بۇ سۇپىنى «ھەممىمىزنىڭ ئاشۇ بىردىنبىر پەرۋەردىگارى بولغان خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغانلىقىمىزنىڭ گۇۋاھچىسىدۇر» دېيىشتى. پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا دۈشمەنلىرىنى بويسۇندۇرۇپ، ئامانلىق بەرگەندىن كېيىن، خېلى زامانلار ئۆتتى. يوشۇۋامۇ قېرىپ قالدى. يوشۇۋا بارلىق ئىسرائىل خەلقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاقساقاللىرىنى، باشلىقلىرىنى، سوتچىلىرىنى ۋە سەردارلىرىنى يىغىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ مەن قېرىپ قالدىم، سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سىلەر ئۈچۈن ئەتراپىڭلاردىكى يات خەلقلەرنى قانداق قىلغانلىقىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەر ئۈچۈن ئۇرۇش قىلدى! مەن سىلەرنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىڭلارغا شەرقتە ئىئوردان دەرياسىدىن تارتىپ، غەربتە ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولغان زېمىنلارنى تەقسىم قىلىپ بەردىم. مەن سىلەرگە بىز بويسۇندۇرغان بارلىق يات خەلقلەرنىڭ زېمىنلىرىنى ۋە بىز تېخى بويسۇندۇرمىغان يات خەلقلەرنىڭ زېمىنلىرىنىمۇ تەقسىم قىلىپ بەردىم. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا يات خەلقلەرنى سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا شۇ زېمىنلاردىن قوغلاپ چىقىرىدۇ، پەرۋەردىگار سىلەرگە ۋەدە قىلغىنىدەك، سىلەر شۇ زېمىنلارغا ئىگە بولىسىلەر! سىلەر مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىغا قاتتىق ئەمەل قىلىڭلار، ئۇنىڭ يولىدىن چەتنىمەڭلار! سىلەر ئاراڭلاردا قالغان باشقا يات خەلقلەر بىلەن ئارىلىشىپ كەتمەڭلار! ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنى تىلغا ئالماڭلار، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلماڭلار، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا سەجىدە قىلماڭلار ۋە ئۇلارغا چوقۇنماڭلار! سىلەر ھازىرغىچە پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا سادىق بولۇپ كەلدىڭلار، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇنىڭغا سادىق بولۇڭلار! پەرۋەردىگار كۈچلۈك ۋە قۇدرەتلىك بولغان يات خەلقلەرنى ئالدىڭلاردا قوغلاپ چىقاردى. ھازىرغىچە ھېچكىم سىلەرگە تەڭ كېلەلمىدى. سىلەرنىڭ بىر ئادىمىڭلار دۈشمەننىڭ مىڭ ئادىمىنى قوغلاپ چىقاردى. چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ۋەدە قىلغىنىدەك، سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلدى. سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ ئىش-ئەمەلىيىتىڭلەرگە دىققەت قىلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى چىن دىلىڭلاردىن سۆيۈڭلەر. ئەگەر خۇدادىن يۈز ئۆرۈسەڭلار، ئاراڭلاردا قالغان يات خەلقلەر بىلەن ئارىلىشىپ، ئۇلار بىلەن دوستلاشساڭلار ۋە نىكاھلاشساڭلار، بىلىڭلاركى، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بۇ يات خەلقلەرنى زېمىنىڭلاردىن قوغلاپ چىقارمايدۇ. شۇنداقلا پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان بۇ گۈزەل زېمىندا بىرىڭلارمۇ ساق قالمىغۇچە، بۇ يات خەلقلەر سىلەرگە تۇزاق، قاپقان ۋە ياكى دۈمبەڭلەرگە ئۇرۇلغان قامچا، كۆزۈڭلەرگە قادالغان تىكەن بولىدۇ. مېنىڭمۇ ئۆمرۈم ئاخىرلىشىپ قالدى. شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلەرگە ئايان، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە بەرگەن ۋەدىسىنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي، ھەممىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. لېكىن، خۇدا سىلەرگە بەرگەن ياخشى ۋەدىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىنىدەك، سىلەرمۇ پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئېتىقاد قىلمىساڭلار، ئۇ سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتقان بالايىئاپەتلەرنى بېشىڭلارغا ياغدۇرىدۇ ھەم سىلەرگە ئاتا قىلغان بۇ گۈزەل زېمىندىنمۇ سىلەرنى قوغلاپ چىقىرىدۇ. ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەجدادلىرىڭلار بىلەن قىلغان ئەھدىسىنى بۇزۇپ، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، ئۇلارغا سەجدە قىلساڭلار، پەرۋەردىگار سىلەرگە قاتتىق غەزىپىنى ياغدۇرىدۇ. پەرۋەردىگار سىلەرگە ئاتا قىلغان بۇ گۈزەل زېمىندىن بىر دەمدىلا يوق قىلىنىسىلەر. يوشۇۋا ئىسرائىللارنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاقساقاللىرىنى، باشلىقلىرىنى، سوتچىلىرىنى ۋە سەردارلىرىنى شەكەمگە چاقىردى. ئۇلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا كەلدى. يوشۇۋا پۈتۈن خەلققە مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا شۇنداق دەيدۇكى: «قەدىمكى زاماندا تەراھ ھەمدە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ناخور بىلەن ئىبراھىم ۋە باشقا ئەجدادىڭلار فىرات دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدە ياشايتتى، ئۇلار باشقا ئىلاھلارغا چوقۇناتتى. مەن ئەجدادىڭلار ئىبراھىمنى فىرات دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدىن ئېلىپ كېلىپ، ئۇنى باشلاپ كەنئاننىڭ پۈتۈن زېمىنىنى كېزىپ، ئىسھاقنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ئىبراھىمنىڭ ئۇرۇقىنى ئاۋۇتتۇم. ئىسھاققا ئىككى ئوغۇل، يەنى ياقۇپ بىلەن ئەساۋنى بەردىم. مەن سەئىردىكى تاغلىق رايوننى ئەساۋغا بەردىم. لېكىن ياقۇپ ئەۋلادلىرى بىلەن مىسىرغا كەتتى. كېيىن مەن مۇسا بىلەن ھارۇننى مىسىرغا ئەۋەتىپ، مىسىرلىقلارغا زور بالايىئاپەت ياغدۇرۇپ، سىلەرنى ئۇ يەردىن ئېلىپ چىقتىم. ئەجدادىڭلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، ئۇلار قىزىل دېڭىزغا كەلدى. مىسىرلىقلار جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىقلار بىلەن ئۇلارنى قىزىل دېڭىزغىچە قوغلاپ كەلدى. ئۇلار مېنىڭ ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇۋېلىشىمنى مۇراجىئەت قىلدى. بۇ چاغدا مەن زېمىنغا قاراڭغۇلۇق چۈشۈرۈپ، سىلەرنى مىسىرلىقلاردىن ئايرىۋەتتىم ھەمدە مىسىرلىقلارنىڭ ئۈستىگە دېڭىز سۈيىنى باستۇرۇپ، ئۇلارنى دېڭىزغا غەرق قىلىۋەتتىم. مېنىڭ مىسىرلىقلارغا قانداق قىلغانلىقىمنى سىلەر ئۆز كۆزىڭلار بىلەن كۆردىڭلار. ئەجدادىڭلار ئۇزۇن ۋاقىت چۆل-باياۋاندا ياشىدى. كېيىن مەن سىلەرنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى ئامورلارنىڭ زېمىنىغا ئېلىپ باردىم. ئامورلار سىلەرگە قارشى جەڭ قىلغانىدى، لېكىن مەن ئۇلارنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدۇردۇم. مەن سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا ئۇلارنى يوقاتتىم. كېيىن موئاب پادىشاھى _ زىپپورنىڭ ئوغلى پادىشاھ بالاق سىلەرگە قارشى جەڭ قىلدى. سىلەرگە لەنەت ئوقۇش ئۈچۈن بىئورنىڭ ئوغلى بىلئامنى چاقىرتتى. لېكىن مەن بىلئامنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدىم، مەن ئۇنى سىلەرگە بەخت تىلەتكۈزدۇم. شۇنداق قىلىپ سىلەرنى بالاقنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇۋالدىم. سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئېرىخا شەھىرىگە كەلگىنىڭلاردا، ئېرىخالىقلار سىلەرگە قارشى جەڭ قىلدى. ئامورلار، پەرىززىلەر، كەنئانلىقلار، خىتلار، گىرگاشلار، خىۋلار ھەم يىبۇسلارمۇ سىلەرگە قارشى جەڭ قىلدى. لېكىن مەن ئۇلارنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بەردىم. مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ئۇلارنى پاراكەندىچىلىككە سېلىپ، ئامورلارنىڭ ئىككى پادىشاھىنى قوغلاپ چىقاردىم. بۇ ھەرگىزمۇ سىلەرنىڭ ئۇلارغا ئوقيا ئېتىپ، قىلىچ چېپىشىڭلار بىلەن قولغا كەلگەن ئىش ئەمەس. مەن ئاتا قىلغان بۇ زېمىنلارغا سىلەر ئۆز ئەمگىكىڭلار بىلەن ئىگە بولغان ئەمەس. مەن سىلەرگە ئاتا قىلغان بۇ شەھەرلەرنى سىلەر بىنا قىلغان ئەمەس، سىلەر ھازىر ئۇ يەرلەردە ياشاۋاتىسىلەر. سىلەرنىڭ يەۋاتقىنىڭلار ئۆزۈڭلار تىكىپ ئۆستۈرگەن ئۈزۈم ۋە زەيتۇنلار ئەمەس.» يوشۇۋا گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يەنە مۇنداق دېدى: _ سىلەر ئەمدى پەرۋەردىگارغا بويسۇنۇپ، ئۇنىڭغا سەمىمىي ۋە ساداقەتلىك بىلەن ئىبادەت قىلىڭلار! ئەجدادلىرىڭلار فىرات دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدە ۋە مىسىردا چوقۇنغان ئىلاھلارنى يوقىتىپ، پەقەت پەرۋەردىگارىڭلارغىلا ئىبادەت قىلىڭلار! ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشنى خالىمىساڭلار، ئەجدادلىرىڭلار ئىلگىرى فىرات دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدە چوقۇنغان ئىلاھ ۋە سىلەر ھازىر تۇرۇۋاتقان جايدىكى ئامورلار چوقۇنىدىغان ئىلاھلارغا چوقۇنامسىلەر؟ بۈگۈن قارار قىلىڭلار! مەن ۋە ئائىلەم بولسا، پەرۋەردىگارىمىزغا خىزمەت قىلىمىز! پۈتۈن خەلق جاۋاب بېرىپ: _ خۇدا ساقلىسۇن، بىز پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنىدىغان ئىشنى مەڭگۈ قىلمايمىز! پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ئەجدادلىرىمىزنى ۋە بىزنى مىسىردىكى قۇللۇقتىن قۇتقۇزۇپ چىقتى. ئۇنىڭ كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق. بىز بېسىپ ئۆتكەن بارلىق زېمىنلاردىكى يات خەلقلەردىن بىزنى ئامان-ئېسەن ساقلاپ كەلدى. پەرۋەردىگار بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا بۇ يەردە ياشايدىغان بارلىق ئامورلارنى ۋە باشقا يات خەلقلەرنى قوغلاپ چىقاردى. شۇڭا بىز پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىمىز. ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر! _ دېيىشتى. يوشۇۋا خەلقنى ئاگاھلاندۇرۇپ: _ سىلەر پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىشنى ئاددىي ئىش دەپ ئويلىماڭلار. چۈنكى ئۇ مۇقەددەستۇر، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنۇشۇڭلارغا قىزغىنىدىغان خۇدادۇر. ئۇ سىلەرنىڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈشۈڭلارنى، ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلىشىڭلارنى كەچۈرمەيدۇ. پەرۋەردىگارىمىز سىلەرگە شۇنچە شەپقەت قىلغان تۇرۇقلۇق، سىلەر يەنە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، يات خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرىغا ئىبادەت قىلساڭلار، ئۇمۇ سىلەردىن يۈز ئۆرۈپ، بېشىڭلارغا زور بالايىئاپەت ياغدۇرۇپ، سىلەرنى قىرىپ تاشلايدۇ، _ دېدى. پۈتۈن خەلق يوشۇۋاغا: _ ياق! بىز چوقۇم پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىمىز! _ دېدى. يوشۇۋا خەلققە: _ سىلەر بۈگۈن ئۆز پەرۋەردىگارىڭلارغا خىزمەت قىلىش يولىنى تاللىدىڭلار. بۇنىڭغا ئۆزۈڭلار گۇۋاھتۇرسىلەر، _ دېدى. _ ھەئە، ئۆزىمىز گۇۋاھ بولىمىز، _ دېدى پۈتۈن خەلق. يوشۇۋا ئۇلارغا يەنە: _ شۇنداق ئىكەن، سىلەر ئاراڭلاردىكى بارلىق يات خەلقلەرنىڭ بۇتلىرىنى چېقىپ تاشلاپ، پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا سادىق بولۇڭلار، _ دەپ خىتاب قىلدى. پۈتۈن خەلق يوشۇۋاغا: _ بىز چوقۇم پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا خىزمەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىمىز، _ دېدى. شۇ كۈنى يوشۇۋا شەكەمدە پۈتۈن خەلققە ۋاكالىتەن پەرۋەردىگار بىلەن ئەھدە تۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن قائىدە-نىزاملارنى قايتا بېكىتتى. ھەمدە يوشۇۋا بۇ سۆزلەرنى خۇدانىڭ تەلىملىرى يېزىلغان پۈتۈككە كىرگۈزدى. ئاندىن يوشۇۋا بىر قورام تاشنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتگاھى يېنىدىكى پىستە دەرىخى تۈۋىگە ئابىدە قىلىپ تىكلىدى. يوشۇۋا پۈتۈن خەلققە: _ قاراڭلار، مانا بۇ قورام تاش، پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە قىلغان ھەممە سۆزلىرىنى ئاڭلىدى. شۇڭا سىلەر خۇداغا بەرگەن ۋەدەڭلەردە تۇرمىساڭلار، بۇ تاش سىلەرگە قارشى گۇۋاھ بولىدۇ، _ دېدى. كېيىن يوشۇۋا خەلققە ئىجازەت بېرىپ، ھەر قايسىسىنى ئۆزلىرىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنلىرىغا قايتۇردى. شۇ ئىشلاردىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى، يەنى نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندە 110 ياشتا ئىدى. ئىسرائىللار ئۇنى ئۆز يۇرتىدا، يەنى گائاش تېغىنىڭ شىمال تەرىپىگە جايلاشقان ئەفرايىم تاغلىق رايوندىكى تىمنات-سەراخقا دەپنە قىلدى. يوشۇۋا ھايات ۋاقتىدا، ئىسرائىللار سادىقلىق بىلەن پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىپ كەلدى. ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا قىلىپ بەرگەن ھەممە ئىشلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئاقساقاللار ھايات ۋاقتىدىمۇ، ئىسرائىللار داۋاملىق پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىپ كەلدى. ئىسرائىللار مىسىردىن ئېلىپ چىققان يۈسۈپنىڭ سۆڭىكىنى شەكەمدە، يەنى ياقۇپ بۇرۇن شەكەمنىڭ ئاتىسى خامورنىڭ ئوغۇللىرىدىن 100 كۈمۈش تەڭگىگە سېتىۋالغان يەرگە دەپنە قىلدى. بۇ يەر يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىغا تەقسىم قىلىنغان زېمىندا ئىدى. ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلئازارمۇ ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى گىبئاھ شەھىرىگە دەپنە قىلىندى. بۇ شەھەر ئۇنىڭ ئوغلى پىنىخاسقا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەنىدى. يوشۇۋا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئىسرائىللار پەرۋەردىگاردىن: _ كەنئان زېمىنىدىكى قوۋملار بىلەن جەڭ قىلغىلى بىزدىن قايسى قەبىلە ئاۋۋال چىقسۇن؟ _ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار جاۋابەن: _ يەھۇدا قەبىلىسى چىقسۇن، بۇ زېمىننى ئۇلارغا ئاتا قىلىمەن، _ دېدى. ئۇلار ئۇ يەردە پادىشاھ ئادونى-بەزەق ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلار بىلەن جەڭ قىلىپ، كەنئانلار بىلەن پەرىززىلەرنى مەغلۇپ قىلدى. ئادونى-بەزەق قاچقاندا، ئۇلار ئۇنى قوغلاپ تۇتۇۋېلىپ، پۇت-قوللىرىنىڭ باش بارماقلىرىنى كېسىۋەتتى. ئادونى-بەزەق: _ مەن ئىلگىرى 70 پادىشاھنىڭ پۇت-قوللىرىنىڭ باش بارماقلىرىنى كېسىۋەتكەنىدىم، ئۇلار مېنىڭ داستىخىنىمدىن ئاشقان تاماقلارنى تېرىپ يەيتتى. ئەمدى خۇدا قىلغانلىرىمنى ئۆزۈمگە ياندۇردى، _ دېدى. ئۇ يېرۇسالېمغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن ئۆلدى. يەھۇدا قەبىلىسى يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ شەھەرنى ئىشغال قىلدى ۋە ئاھالىسىنى قىرغىن قىلىپ، شەھەرگە ئوت قويۇۋەتتى. كەينىدىنلا ئۇلار تاغلىق رايوندا، جەنۇبىي چۆللۈكتە، غەربىي ئېدىرلىق ۋە ھىبرون (ئىلگىرى قىريات-ئاربا شەھىرى دەپ ئاتىلاتتى) شەھىرىدە ياشايدىغان كەنئانلىقلار بىلەن جەڭ قىلىپ شېشاي، ئاخىمان ۋە تالماي قاتارلىق سەركەردىلەرنى مەغلۇپ قىلدى. يەھۇدا قەبىلىسى ئۇ يەردىن ئۆتۈپ دىبىر (ئىلگىرى قىرئات-سېفەر دەپ ئاتىلاتتى) شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى. يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ باشلىقى كالىب: _ قىرئات-سېفەر شەھىرىنى كىم ئالسا، قىزىم ئاكساھنى شۇنىڭغا بېرىمەن، _ دېدى. ئۇ شەھەرنى كالىبنىڭ ئىنىسى قېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىئېل ئالدى. كالىب قىزى ئاكساھنى ئۇنىڭغا بەردى. بىر كۈنى ئاكساھ ئاتىسىنى يەنە بىر پارچە يەر بېرىشكە ماقۇل كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا باردى. ئاكساھ ئېشەكتىن چۈشۈشى بىلەنلا ئاتىسى ئۇنىڭدىن: _ نېمىگە كەلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى. ئاكساھ: _ مەن پەقەت بىرلا نەرسە تەلەپ قىلىپ كەلدىم. ئاتا، ماڭا بۇلىقى بار يەرلەردىن بەرسىڭىز، چۈنكى ماڭا بەرگەن يەرلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى جەنۇبىي چۆللۈكتىكى يەرلەر ئىكەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن كالىب يۇقىرى ۋە تۆۋەندىكى بۇلاقلارنى ئۇنىڭغا بەردى. مۇسا پەيغەمبەرنىڭ قېيىنئاتىسىنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان قېنلار خورمىزارلىق شەھەر ئېرىخادىكى يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئاراد شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى يەھۇدا چۆلىگە بېرىپ، ئۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالدى. يەھۇدا قەبىلىسى ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان شىمون قەبىلىسى بىلەن بىللە زىفات شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردە ياشايدىغان كەنئانلىقلارنى مەغلۇپ قىلدى ۋە ئۇ شەھەرنى تەلتۆكۈس ۋەيران قىلدى. ئۇ جايغا خۇرماھ دەپ ئىسىم قويدى. يەھۇدا قەبىلىسى يەنە گازا، ئاشقىلون، ئەقرون قاتارلىق شەھەرلەرنى ۋە بۇ شەھەرلەرنىڭ ئەتراپىدىكى زېمىنلارنى ئىشغال قىلدى. پەرۋەردىگار يەھۇدا قەبىلىسىگە ياردەم قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار تاغلىق رايونلارنى ئىشغال قىلالىدى. لېكىن تۈزلەڭلىكتە ياشايدىغانلارنىڭ تۆمۈر بىلەن مۇستەھكەملەنگەن جەڭ ھارۋىلىرى بولغاچقا، يەھۇدا قەبىلىسى ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىشقا ئامالسىز قالدى. مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئىلگىرى تاپىلىغان سۆزلىرى بويىچە ھىبرون شەھىرى كالىبقا بېرىلدى. كالىب ئاناق قوۋمىدىن بولغان ئۈچ سەركەردىنى ئۇ شەھەردىن قوغلاپ چىقىرىۋەتتى. لېكىن بىنيامىن قەبىلىسى يېرۇسالېم شەھىرىدىكى يىبۇسلارنى قوغلاپ چىقارمىدى. شۇڭا يىبۇسلار ئۇ يەردە ھازىرغىچە بىنيامىن قەبىلىسى بىلەن بىللە ياشاپ كەلمەكتە. ئايغاقچىلار شەھەردىن چىقىۋاتقان بىر كىشىنى توسۇپ، ئۇنىڭغا: _ شەھەرگە قانداق كىرىشنى دەپ بەرسەڭ، ساڭا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيمىز، _ دېدى. ئۇ كىشى ئۇلارغا يولنى كۆرسىتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئەفرايىم ۋە ماناسسە قەبىلىلىرى، شەھەردىكى پۈتۈن ئاھالىلارنى قىرىپ تاشلاپ، پەقەت ھېلىقى ئادەم بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىلا ھايات قالدۇردى. كېيىن ئۇ كىشى خىتلارنىڭ يۇرتىغا بېرىپ، ئۇ يەردە بىر شەھەر بىنا قىلىپ، ئۇ شەھەرگە «لۇز» دەپ ئىسىم قويدى. ئۇ شەھەر ھازىرغىچە شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە. ماناسسە قەبىلىسى بەيتشان، تاناك، دور، ئىبلىئام، مىگىددو ۋە بۇ شەھەرلەرنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلاردا ياشايدىغان كەنئانلىقلارنى قوغلاپ چىقارمىدى. چۈنكى كەنئانلىقلار ئۇ يەرلەردە تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇۋالغانىدى. ئىسرائىللار كۈچەيگەن ۋاقتىدا كەنئانلىقلارنى ئۆزلىرىگە قۇلدەك ئىشلەشكە مەجبۇر قىلدى. لېكىن ئۇلارنى بۇ شەھەرلەردىن پۈتۈنلەي قوغلاپ چىقىرىۋەتمىدى. ئەفرايىم قەبىلىسىمۇ گەزەر شەھىرىدە تۇرىدىغان كەنئانلىقلارنى قوغلاپ چىقارمىدى. شۇڭا كەنئانلىقلار داۋاملىق ئۇلار بىلەن بىللە ياشىدى. زەبۇلۇن قەبىلىسىمۇ قىترون ۋە ناخالال شەھەرلىرىدە تۇرىدىغان ئاھالىلارنى قوغلاپ چىقارمىدى. شۇڭا كەنئانلىقلار ئۇ يەردە داۋاملىق تۇرۇپ قالدى. لېكىن ئۇلار زەبۇلۇن قەبىلىسى تەرىپىدىن قۇلدەك ئىشلەشكە مەجبۇر قىلىندى. ئاشېر قەبىلىسىمۇ ئاككو، سىدون، ئاخلاب، ئاكزىب، خەلباھ، ئافىق ۋە رىخوب شەھەرلىرىدىكى ئاھالىلارنى قوغلاپ چىقارمىدى. ئۇلار شۇ يەرلىك كەنئانلىقلار بىلەن بىللە ياشىدى. نافتالى قەبىلىسىمۇ بەيت-شەمەش ۋە بەيت-ئانات شەھەرلىرىدىكى ئاھالىلارنى قوغلاپ چىقارمىدى. ئۇلار شۇ يەرلىك كەنئانلىقلار بىلەن بىللە ياشىدى، لېكىن ئۇلارنى قۇل قىلدى. دان قەبىلىسى ئامورلار تەرىپىدىن تاغلىق رايونلارغا ھەيدىۋېتىلىپ، تۈزلەڭلىكلەرگە كەلتۈرۈلمىدى. ئامورلار ئاييالون، شائالبىم، شەھەرلىرىدە ۋە خەرەس تاغلىق رايونىدا تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇۋالغانىدى. لېكىن ئەفرايىم ۋە ماناسسە قەبىلىلىرى كۈچىيىپ، ئۇلارنى قۇلدەك ئىشلەشكە مەجبۇر قىلدى. ئامورلارنىڭ چېگراسى چايان داۋىنىدىن باشلىنىپ، سەلا دېگەن يەردىن يۇقىرىغا قاراپ سوزۇلغانىدى. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى گىلگال شەھىرىدىن بوكىمغا كېلىپ ئىسرائىللارغا: _ مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، ئەجدادلىرىڭلارغا ۋەدە قىلىنغان زېمىنغا ئېلىپ باردىم. مەن سىلەرگە: «سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى ھەرگىز بۇزمايمەن. سىلەر ھەرگىز يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن بىرەر كېلىشىم تۈزمەڭلار، ئۇلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى بۇزۇپ تاشلاڭلار» دېگەنىدىم. بىراق سىلەر مېنىڭ دېگىنىمگە بويسۇنمىدىڭلار. بۇ نېمە قىلغىنىڭلار؟ مەن سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، سىلەر بۇ زېمىنغا ئىچكىرىلەپ كىرگىنىڭلاردا، مەن ئەمدى ئۇ يەرنىڭ خەلقىنى قوغلاپ چىقارمايمەن. ئۇلار سىلەرنىڭ بېقىنىڭلارغا سانجىلىدىغان تىكەن بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى سىلەرنى ئازدۇرۇپ قىلتاققا چۈشۈرىدۇ، _ دېدى. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولغاندا، ئىسرائىللار ئۈن سېلىپ يىغلىشىپ كەتتى، شۇڭا ئۇلار بۇ يەرنى بوكىم دەپ ئاتىدى ۋە بۇ يەردە پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلدى. يوشۇۋا ئىسرائىللارنى تارقىتىۋەتكەندىن كېيىن، ئىسرائىللار ئۆزلىرىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقتى. يوشۇۋا ھايات ۋاقتىدا ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلاتتى. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا قىلىپ بەرگەن بارلىق ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئاقساقاللار بىر ئۆمۈر ئىسرائىللار بىلەن بىرگە پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى. پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى _ نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا 110 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. يوشۇۋا ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنغا، يەنى گائاش تېغىنىڭ شىمالىدىكى ئەفرايىم تاغلىق رايونىنىڭ تىمنات-خەرەس شەھىرىگە دەپنە قىلىندى. شۇ دەۋرلەردە ئالەمدىن ئۆتكەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى پەرۋەردىگارنى ۋە ئۇنىڭ ئىسرائىللارغا قىلىپ بەرگەن بارلىق ئىشلىرىنى ئۇنتۇپ كەتتى. شۇڭا، پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا قەھر-غەزىپى قايناپ تېشىپ، ئۇلارنى تالان-تاراج قىلغۇچىلارنىڭ قولىغا، يەنى ئەتراپىدىكى دۈشمەنلىرىگە تاشلاپ بېرىپ، ئۇلارغا قارشى تۇرالمايدىغان قىلىپ قويدى. ئۇلار ھەر قېتىم جەڭگە چىققاندا پەرۋەردىگار ئۆز قەسىمىدە ئېيتقىنىدەك، ئۇلارنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، ئىنتايىن زور بالايئاپەتلەرگە دۇچار قىلدى. پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنى تالان-تاراج قىلغۇچىلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارغا سەردارلارنى تەيىنلەپ بەردى. لېكىن ئىسرائىللار بۇ سەردارلارغىمۇ ئىتائەت قىلماي، پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ، باشقا ئىلاھلارغا خۇددى پاھىشىلەردەك سېتىلدى ۋە ئۇلارغا سەجدە قىلىشتى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلىپ كەلگەن ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يولىنى تۇتماي، تېزدىنلا بۇ يولدىن يۈز ئۆرۈدى. پەرۋەردىگار ھەر قېتىم ئۆزى تەيىنلىگەن سەردارلار بىلەن بىللە بولۇپ، ئۇلار ھايات چاغلاردا خەلقنى دۈشمەنلىرىدىن قۇتقۇزاتتى. پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئازاب چېكىپ، خورلۇق ئىچىدە قىلغان نالە-پەريادلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا رەھىم قىلاتتى. بىراق، سەردارلارنىڭ كۆزى يۇمۇلۇشى بىلەنلا ئۇلار ئۆز سەنىمىگە دەسسەپ، چىرىك يولغا مېڭىپ، ئاتا-بوۋىلىرىدىن بەكرەك رەزىللىشىپ كېتەتتى. يات ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، ئۇلارغا سەجدە قىلىپ، رەزىللىك ۋە جاھىللىقتىن ۋاز كەچمەيتتى. شۇڭا پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا يەنە غەزەپلىنىپ مۇنداق دېدى: _ بۇ خەلق ئەجدادلىرىنىڭ رىئايە قىلىشىغا بۇيرۇغان ئەھدەمنى بۇزۇپ، ماڭا ئىتائەت قىلمىدى. شۇ ۋەجىدىن پەرۋەردىگار ئۇ قوۋملارنى يوشۇۋانىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەرمىگەنىدى. يوشۇۋا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىنمۇ ئۇلارنى تېزلا قوغلاپ چىقىرىۋەتمەي، داۋاملىق بۇ زېمىندا تۇرۇپ قېلىشىغا يول قويغانىدى. بۇلار فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەش بەگلىكى، پۈتۈن كەنئانلار، سىدونلۇقلار ۋە بائال-خەرمون تېغىدىن لىبو-خاماتقىچە سوزۇلغان لىۋان تاغلىق رايونىدا ياشايدىغان خىۋلار ئىدى. پەرۋەردىگار بۇ قوۋملارنى قالدۇرۇپ قويدى. بۇنىڭ سەۋەبى _ ئىسرائىللارنىڭ پەرۋەردىگار مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئەجدادلىرىغا چۈشۈرگەن ئەمرلەرگە بويسۇنىدىغان-بويسۇنمايدىغانلىقىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار كەنئانلار، خىتلار، ئامورلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلار ئارىسىدا ياشاپ، ئۇلار بىلەن ئۆزئارا تويلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇندى. ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان ئىش قىلىپ، ئۆز پەرۋەردىگارى خۇدانى ئۇنتۇپ، بائال ۋە ئاشېرا دېگەن بۇتلارغا چوقۇندى. شۇڭا پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا غەزەپلىنىپ، ئۇلارنى ئاررام-ناخارايىم پادىشاھى كۇشان-رىشئاتايىمنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار 8 يىل ئۇنىڭغا قۇل بولدى. كېيىن ئۇلار پەرۋەردىگارغا يېلىنىپ نالە-پەرياد قىلغانىدى، پەرۋەردىگار ئۇلارغا بىر قۇتقۇزغۇچى تەيىنلەپ بەردى. بۇ ئادەم ئوتنىئېل بولۇپ، ئۇ كالىبنىڭ ئىنىسى قېنازنىڭ ئوغلى ئىدى. پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا چۈشكەچكە، ئۇ ئىسرائىللارنىڭ سەردارى بولۇپ جەڭگە چىقتى. پەرۋەردىگار ئاررام-ناخارايىم پادىشاھى كۇشان-رىشئاتايىمنى ئۇنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ، ئۇنى غەلىبە قازاندۇردى. شۇڭا بۇ زېمىن تاكى قېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىئېل ئالەمدىن ئۆتكىچە 40 يىل تىنچ-ئامان تۇردى. ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يەنە يامان ئىش قىلغاچقا، پەرۋەردىگار موئاب پادىشاھى ئەگلوننى ئۇلارغا قارشى قىلىپ كۈچلەندۈردى. ئەگلون ئاممونلار ۋە ئامالەكلەر بىلەن بىرلىشىپ ئىسرائىللارنى مەغلۇپ قىلىپ، خورمىزارلىق شەھەر ئېرىخانى ئىگىلىدى. ئىسرائىللار موئاب پادىشاھى ئەگلونغا 18 يىل قۇل بولدى. كېيىن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا نالە-پەرياد قىلغانىدى، پەرۋەردىگار ئۇلارغا بىر قۇتقۇزغۇچى تەيىنلەپ بەردى. ئۇ بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان گېرانىڭ ئوغلى ئېھۇد بولۇپ، سولخاي ئىدى. ئىسرائىللار ئېھۇدنى موئاب پادىشاھى ئەگلونغا ئالۋان-ياساق ئاپىرىپ بېرىشكە ئەۋەتتى. ئېھۇد ئىككى غېرىچ ئۇزۇنلۇقتا قوش بىسلىق بىر خەنجەر سوقتۇرۇپ، ئۇنى ئوڭ يانپېشىغا ئېسىپ، كىيىمىنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇپ، ئالۋان-ياساقنى ئېلىپ موئاب پادىشاھى ئەگلوننىڭ ئالدىغا باردى. ئەگلون ناھايىتى سېمىز ئادەم ئىدى. بۇ چاغدا پادىشاھ ئۆگزىدىكى سالقىن بالىخانىسىدا يالغۇز ئولتۇراتتى. ئېھۇد ئۇنىڭغا يېقىن كېلىپ: _ مەن ئۆزلىرىگە خۇدادىن كەلگەن بىر خەۋەرنى يەتكۈزمەكچىمەن، _ دېدى. پادىشاھ ئورنىدىن تۇردى. ئېھۇد سول قولى بىلەن ئوڭ يانپېشىدىكى خەنجەرنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، پادىشاھنىڭ قورسىقىغا تىقىۋەتتى. خەنجەر سېپى بىلەن قوشۇلۇپ ئۇنىڭ سېمىز قورسىقىغا كىرىپ كەتكەچكە، ئۈچەي-باغرى چۇۋۇلۇپ چىقتى. ئېھۇد پادىشاھنىڭ قورسىقىدىن خەنجەرنى تارتىۋالمايلا، ئۆگزىدىكى بالىخانىدىن يېنىپ چىقىپ، ئىشىكنى قۇلۇپلاپ قويدى. ئۇ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ياساۋۇللار كېلىپ ئىشىكنىڭ قۇلۇپلاقلىق تۇرغىنىنى كۆردى. ئۇلار پادىشاھ تەرەت قىلىۋاتسا كېرەك، دەپ ئويلاشتى. ئۇلار پادىشاھنىڭ ئۇزۇنغىچە ئىشىكنى ئاچمىغانلىقىدىن ئوڭايسىزلىق ھېس قىلدى. ئاخىرى ئۇلار ئاچقۇچنى ئېلىپ كېلىپ ئىشىكنى ئېچىپ، پادىشاھىنىڭ يەردە ئۆلۈك ياتقانلىقىنى كۆردى. ئېھۇد ھېلىقى ياساۋۇللار سىرتتا كۈتۈپ تۇرغاندا قېچىپ كەتكەنىدى. ئۇ تاش ھەيكەللەر بار جايدىن ئۆتۈپ، ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى سىئىرا شەھىرىگە قېچىپ كېلىپ، تاغلىق رايوندىكى بارلىق ئىسرائىللارنى بۇرغا چېلىپ جەڭگە چاقىردى ھەمدە ئۇلارغا: _ مېنىڭ كەينىمدىن مېڭىڭلار! پەرۋەردىگار دۈشمىنىڭلار موئابلارنى قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بېرىدۇ، _ دېدى. ئۇلار ئېھۇد بىلەن تاغدىن چۈشۈپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكىنى ئىشغال قىلىپ، ھېچقانداق ئادەمنى دەريادىن ئۆتكۈزمىدى. ئۇ كۈنى ئۇلار موئابنىڭ ئون مىڭچە خىللانغان، كۈچلۈك لەشكەرلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، بىرىنىمۇ قاچۇرۇپ قويمىدى. شۇ كۈنى ئىسرائىللار موئابلارنى مەغلۇپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ زېمىن 80 يىل تىنچ-ئامان تۇردى. ئېھۇدتىن كېيىن، ئاناتنىڭ ئوغلى شامگار كالا ھەيدەيدىغان تاياق بىلەن فىلىستىيەلىكلەردىن 600 كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، ئىسرائىللارنى قۇتقۇزدى. ئېھۇد ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يەنە يامان ئىش قىلدى. شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇلارنى خازور شەھىرىنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان كەنئان پادىشاھى يابىننىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. يابىننىڭ باش سەركەردىسى سىسىرا خاروشەت-ھاگگويىم شەھىرىدە تۇراتتى. ئىسرائىللار پەرۋەردىگاردىن ياردەم تىلەپ نالە-پەرياد قىلدى. چۈنكى يابىننىڭ 900 تۆمۈر بىلەن مۇستەھكەملەنگەن جەڭ ھارۋىسى بولۇپ، ئۇ ئىسرائىللارغا 20 يىل رەھىمسىزلىك بىلەن زۇلۇم سېلىپ كەلگەنىدى. ئۇ چاغدا دىبورا ئىسىملىك بىر ئايال پەيغەمبەر ئىسرائىللارغا ھاكىملىق قىلاتتى، ئۇ لاپپىدوتنىڭ ئايالى ئىدى. ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى راماھ بىلەن بەيتەلنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر تۈپ خورما دەرىخى بولۇپ، دىبورا ئۇ خورما دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇرۇپ، دەرد ئېيتىپ كەلگەن ئىسرائىللارنىڭ دەۋالىرىنى سورايتتى (بۇ دەرەخ كېيىنچە «دىبورا دەرىخى» دەپ ئاتالغان). بىر كۈنى ئۇ نافتالىدىكى قەدەش شەھىرىگە ئادەم ئەۋەتىپ ئابىنوئامنىڭ ئوغلى باراقنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ساڭا: «نافتالى ۋە زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن 10 مىڭ ئادەمنى يىغىپ، ئۇلارنى تابور تېغىغا باشلاپ كەل. مەن يابىننىڭ باش سەركەردىسى سىسىرانى جەڭ ھارۋىلىرى ۋە قوشۇنلىرى بىلەن قىشون دەرياسى بويىدا سەن بىلەن جەڭ قىلغىلى چىقىرىمەن، ھەمدە ئۇنى سېنىڭ قولۇڭغا چۈشۈرۈپ بېرىمەن» دەپ ئەمر قىلدى، _ دېدى. باراق ئۇنىڭغا: _ ئەگەر سىز بىللە بارسىڭىز، مەن باراي، سىز بارمىسىڭىز مەنمۇ بارمايمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى. دىبورا: _ بولىدۇ، مەن بىللە باراي. بىراق سەن غەلىبە قىلساڭمۇ شان-شۆھرىتىڭ بولمايدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگار سىسىرانى بىر ئايالنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەرگەن بولىدۇ، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن دىبورا بىلەن باراق بىللە قەدەش شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى. باراق زەبۇلۇن ۋە نافتالى قەبىلىلىرىنى قەدەش شەھىرىگە چاقىرىپ، ئۇلاردىن 10 مىڭ كىشىنى ئۆزى بىلەن ئېلىپ ماڭدى. دىبورامۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭدى. ئۇ چاغدا قېنلاردىن بولغان خەبەر، قەدەش شەھىرىگە يېقىن بولغان زائاناننىمدىكى بىر تۈپ دۇپ دەرىخى يېنىدا چېدىر تىككەنىدى. ئۇ باشقا قېنلاردىن ئايرىلىپ تۇراتتى. ئۇلار مۇسا پەيغەمبەرنىڭ قېيىنئاكىسى خوبابنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. سىسىرا ئابىنوئامنىڭ ئوغلى باراقنىڭ تابور تېغىغا كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، 900 تۆمۈر بىلەن مۇستەھكەملەنگەن جەڭ ھارۋىسى ۋە پۈتۈن قوشۇنىنى يىغىپ، ئۇلار بىلەن خاروشەت-ھاگگويىم شەھىرىدىن قىشون دەرياسى بويىغا باردى. دىبورا باراققا: _ ئالغا! بۈگۈن پەرۋەردىگار سىسىرانى قولۇڭغا چۈشۈرۈپ بېرىدىغان، ساڭا يولباشچى بولىدىغان كۈن ئەمەسمۇ؟ _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن باراق 10 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ تابور تېغىدىن چۈشتى. باراقنىڭ قوشۇنى ھۇجۇمغا ئۆتكەندە، پەرۋەردىگار سىسىرانى ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن قوشۇنلىرىنى جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن قوشۇپ تىرىپىرەن قىلىۋەتتى. سىسىرا ھارۋىسىنى تاشلاپ پىيادە قېچىپ كەتتى. باراق ئۇلارنىڭ قوشۇنى ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنى خاروشەت-ھاگگويىم شەھىرىگىچە قوغلاپ باردى. سىسىرانىڭ پۈتۈن قوشۇنىدىكى ئادەملەردىن بىرىمۇ قالماي قىلىچ ئاستىدا جان بەردى. سىسىرا قېچىپ قېنلاردىن بولغان خەبەرنىڭ خوتۇنى يائېلنىڭ چېدىرىنىڭ يېنىغا كەلدى. چۈنكى خازور پادىشاھى يابىن خەبەر بىلەن دوست ئىدى. يائېل سىسىرانىڭ ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋالدى ۋە ئۇنىڭغا: _ جانابلىرى ئىچكىرىگە مەرھەمەت قىلسىلا، قورقمىسىلا، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن سىسىرا چېدىرغا كىردى. يائېل ئۇنى كارىۋات ياپقۇچى بىلەن يوشۇرۇپ قويدى. سىسىرا ئۇنىڭغا: _ ئۇسساپ كەتتىم. ئازراق سۇ بەرسىڭىز، _ دېدى. يائېل ئۇنىڭغا بىر تۇلۇمنى ئېچىپ، ئۇنىڭدىن سۈت قۇيۇپ بەردى ۋە ئۇنى يەنە يوشۇرۇپ قويدى. سىسىرا يائېلغا: _ چېدىرنىڭ ئالدىغا چىقىپ تۇرغايسىز، ئەگەر بىرى كېلىپ، بۇ يەردە ئادەم بارمۇ؟ دەپ سورىسا، يوق دېگەيسىز، _ دېدى. سىسىرا ئىنتايىن چارچاپ كەتكەچكە، يېتىپلا ئۇيقۇغا كەتتى. خەبەرنىڭ خوتۇنى يائېل قولىغا توقماق بىلەن چېدىرغا قاقىدىغان قوزۇقتىن بىرنى ئېلىپ، سىسىرانىڭ يېنىغا ئاستا كېلىپ، قوزۇقنى ئۇنىڭ چېكىسىگە قېقىپ يەرگە پاتۇرىۋەتتى. سىسىرا ئۆلدى. باراق سىسىرانى ئىزدەپ كەلگەنىدى، يائېل ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ: _ بۇ ياققا كېلىڭ، مەن سىز ئىزدەپ كەلگەن ئادەمنى كۆرسىتەي، _ دېدى. باراق ئۇنىڭ بىلەن چېدىرغا كىرىپ، سىسىرانىڭ ئۆلۈك ياتقىنىنى ۋە چېكىسىگە قوزۇق قېقىلغانلىقىنى كۆردى. ئۇ كۈنى خۇدا ئىسرائىللارغا كەنئان پادىشاھى يابىننى باش ئەگدۈرۈپ بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىللار بارغانسېرى كۈچىيىپ، كەنئان پادىشاھى يابىن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئاخىرى ئۇنى يوقاتتى. ئۇ كۈنى دىبورا ۋە ئابىنوئامنىڭ ئوغلى باراق بۇ مەدھىيەنى ئوقۇدى: «سەردارلار يول باشلىدى ئىسرائىللارغا، خەلق ئۆز رايى بىلەن ئەگەشكەچكە ئۇلارغا، ئېيتىڭلار ھەمدۇسانا پەرۋەردىگارغا! ئەي پادىشاھلار ئاڭلاڭلار! ئەي ئەمىرلەر قۇلاق سېلىڭلار! نەغمە-ناۋا ياڭرىتىپ، پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئېيتىمەن، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانى كۈيلەيمەن. ئى پەرۋەردىگار، سەئىردىن ئايرىلغىنىڭدا، ئىدوم زېمىنىدىن يۈرۈش قىلغىنىڭدا، زىلزىلگە كەلدى يەر-زېمىنلار، تۆكۈلدى ئاسمان ۋە بۇلۇتلاردىن يامغۇرلار. سىلكىندى تاغلار سىنايدىكى پەرۋەردىگار كەلگەندە، ئىسرائىللار خۇداسى _ پەرۋەردىگار ئالدىدا. يائېلنىڭ دەۋرى _ ئانات ئوغلى شامگارنىڭ زامانىدا، ئۆتمەيتتى كارۋان بۇ يەردىن، ماڭاتتى يولۇچىلار چىغىر يوللاردا. مەن دىبورا كېلىپ ئانا بولغۇچە ئىسرائىللارغا، چۆللىشىپ سەھرالار، بىر كىشىمۇ قالمىغانىدى ئىسرائىلىيەدە. ساختا ئىلاھلار يەڭگۈشلىنىپ، جەڭلەر بولدى قوۋۇقلاردا، نەيزە-قالقان كۆتۈرگەن بىرمۇ لەشكەر يوق ئىدى ئەسلا، قىرىق مىڭ ئىسرائىل قوشۇنىدا. قەلبىم تەلپۈنەر ئىسرائىلنىڭ سەركەردىلىرىگە، مايىلدۇر ئىسرائىل پىدائىيلىرىغا. مەدھىيە بولسۇن پەرۋەردىگارغا! ئەي ئاق ئېشەككە مىنگەنلەر، ئېسىل ئېگەر-توقۇمدا ئولتۇرغانلار، يولدا پىيادە ماڭغانلار، مەدھىيە ئېيتىڭلار ھەممىڭلار. ئاڭلاڭلار، قۇدۇق بېشىدىكى سازچىلارنىڭ نەغمىسىنى، ئۇلار بايان قىلغان پەرۋەردىگارنىڭ غەلىبىسىنى، ئىسرائىل دېھقانلىرىنىڭ زەپەر قۇچۇپ قايتقىنىنى. يېتىپ كەلدى قوۋۇقلىرىغا پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى. ئويغان، ئويغان! دىبورا ئويغان! ئابىنوئام ئوغلى باراق، ئورنۇڭدىن تۇر! ئويغان، مەدھىيە ياڭرات! ئەسىرلىرىڭنى ئېلىپ كەت! يېنىمغا كېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ قالغان خەلقى، چىقتى يېتەكچىلەر زور قوشۇنغا قارشى جەڭ قىلغىلى. خەلق ئامالەكنىڭ بۇرۇنقى زېمىنى بولغان ئەفرايىمدىن كەلدى، ئۇلارغا ئەگەشتى بىنيامىن قەبىلىسى، ماكىر جەمەتىدىن سەردارلار يۈرۈش قىلدى، سەركەردىلەر ھەم زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن كەلدى. ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ باشلىقلىرى دىبورا بىلەن بىللە كەلدى، ئىسساكارلار بىلەن باراقمۇ ھەم بىللە كەلدى، ئۇنىڭ كەينىدىن ئۇلار تېزلا جىلغىغا چۈشتى، ئەمما ئارىسالدىلىقتىن رۇبېن قەبىلىسى بىر قارارغا كېلەلمىدى. نېمىشقا ئولتۇرىسىلەر گۈلخاننىڭ ئەتراپىدا؟ يا ئاڭلاشنى خالىدىڭلارمۇ قويچىلارنىڭ ئىسقىرتقىنىنى قويلارغا؟ شۇنداق، ئارىسالدىلىقتىن رۇبېن قەبىلىسى كېلەلمىدى بىر قارارغا. گىلئادلىقلار تۇرۇپ قالدى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا. توختاپ قالدى نېمىشقا دان قەبىلىسى كېمىلەردە؟ قېلىپ قالدى نېمىشقا ئاشېر قەبىلىسى دېڭىز قىرغىقىدا؟ لېكىن زەبۇلۇن قەبىلىسى ئۆلۈمدىن باش تارتمىدى، نافتالى قەبىلىسى جەڭ مەيدانىدا ھەم جان تىكىپ ئېلىشتى. جەڭ قىلىشتى كەنئان پادىشاھلىرى، كېلىپ مىگىددو ئۆستىڭى بويىدىكى تاناكقا، لېكىن ئۇلار ئېرىشەلمىدى كۈمۈشلەردىن ئولجىغا. جەڭ قىلدى يۇلتۇزلار ئۆز جايلىرىدىن، ئۇرۇش ئاچتى سىسىراغا ئەرشتىن. ئۆركەشلەپ قەدىمىي قىشون دەرياسى، ئېلىپ كەتتى ئۇلارنى تېز كەلكۈن. دەيمەن ئۆزۈمگە جاسارەتلىك بول، باسقىن ئالغا. توختىماي چېپىپ سىسىرانىڭ تۇلپارلىرى، تىترەتتى تۇياقلىرى گۈلدۈرلەپ يەر-زېمىننى. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئېيتتى: ‹مېروز ئاھالىسىغا لەنەتلەر بولسۇن، مېروز خەلقىگە لەنەتلەر ياغسۇن، ھەمدەمدە بولمىدى پەرۋەردىگارغا، زەربە بەرمىدى كۈچلۈك دۈشمەنگە ئۇلار.› قېنلاردىن بولغان خەبەرنىڭ خوتۇنى يائېل، ماختاشقا لايىق بارلىق ئاياللار ئىچىدە، ھۆرمەتكە سازاۋەر كۆچمەن ئاياللار ئارىسىدا. سۇ سورىسا سىسىرا، سۈت بەرگەن يائېل، شاھانە چىنىدە قېتىق سۇنغان يائېل. سول قولىغا ئېلىپ قوزۇقىنى چېدىرنىڭ، ئوڭ قولىدا كۆتۈرۈپ توقمىقىنى ھۈنەرۋەننىڭ، كۈچەپ ئۇرۇپ پاتۇردى بېشىغا سىسىرانىڭ، قوزۇقنى يەرگە قاقتى چېكىسىدىن ئۇنىڭ. چۈشتى يەرگە يىقىلىپ سىسىرا، ياتتى يائېلنىڭ پۇتى ئالدىدا، يەرگە يىقىلىپ چۈشۈشى بىلەنلا، جان بەردى ئۇ شۇ يەردىلا! سىسىرانىڭ ئانىسى دېرىزىدىن قاراپ سىرتقا، ساقلايتتى ئۇنى روجەك ئالدىدا ئىنتىزارلىقتا. نىدا قىلىپ دېدى ئۇ مۇنداق: ‹نېمىشقا قايتمايدۇ تېخىچە جەڭ ھارۋىسى؟ نېمىشقا ئاڭلانمايدۇ بۇ كەمگىچە تۇياقلارنىڭ ئاۋازى؟› ئاڭلاپ چېچەن كېنىزەكلىرىنىڭ جاۋابىنى، ئۆز-ئۆزىگە دېدى ئۇ مۇنداق: ‹ئۇلار جەزمەن بۆلۈشىۋاتىدۇ ئولجا ھەم غەنىيمەتلەر، تەگدى ئەلۋەتتە ھەربىرىگە بىرنەچچىدىن قىزلار، ئالغاچ كەلگەي سىسىرا ئۆزىگە رەڭدار كىيىملەر، ھەم ماڭىمۇ بوينۇمغا سېلىشقا چىرايلىق ياغلىقلار.› ئى پەرۋەردىگار، دۈشمەنلىرىڭ شۇ تەرىقىدە يوقالغاي! دوستلىرىڭ كۆتۈرۈلگەن قۇياشتەك قۇدرەتكە تولغاي!» شۇنداق قىلىپ بۇ زېمىن 40 يىل تىنچ-ئامان تۇردى. ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يەنە يامان ئىش قىلدى. شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇلارنى يەتتە يىل مىديانلارنىڭ قولىغا تاشلاپ بەردى. مىديانلار ئىسرائىللاردىن كۈچلۈك بولغاچقا، ئىسرائىللار تاغدىكى بىخەتەر جايلار، ئۆڭكۈرلەر ۋە قورغانلاردا پاناھلاندى. ھەر قېتىم ئىسرائىللار تېرىقچىلىق قىلىشقا باشلىغاندا، مىديانلار، ئامالەكلەر ۋە شەرقتىكى قوۋملار بىلەن بىرلىشىپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلاتتى. ئۇلار جەنۇبتىكى گازا شەھىرىگىچە بولغان جايلاردا چېدىر تىكىپ، بۇ زېمىندىكى ھوسۇلنى نابۇت قىلىۋېتەتتى. ھەمدە پۈتۈن قوي، كالا، ئېشەكلىرىنى بۇلاپ، ئىسرائىللارنىڭ زېمىنىدا ھېچقانداق ئوزۇق-تۈلۈك قويمايتتى. ئۇلار خۇددى چېكەتكىدەك كۆپ بولۇپ، كالا پادىلىرى ۋە چېدىرلىرىنى بىللە ئېلىپ كېلەتتى. ئۇلارنىڭ ئادەم ۋە تۆگىلىرىمۇ ھېسابسىز ئىدى. ئۇلار ئىسرائىللارنىڭ زېمىنىغا بېسىپ كىرىپ، ماكانلىرىنى خاراب قىلىۋېتەتتى. پەرۋەردىگار ئۇلارغا بىر پەيغەمبەر ئەۋەتتى. ئۇ كېلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا شۇنداق دەيدۇكى: «مەن سىلەرنى، سىلەر قۇل بولۇپ ياشىغان مىسىردىن ئېلىپ چىقتىم. سىلەرنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدۇم. سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا دۈشمىنىڭلارنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى سىلەرگە ئېلىپ بەردىم. مەن سىلەرگە: ‹مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن، سىلەر تۇرىدىغان زېمىندىكى ئامورلارنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنماڭلار› دېگەنىدىم. بىراق سىلەر سۆزۈمگە قۇلاق سالمىدىڭلار». كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئوفراھ يېزىسىغا كېلىپ، يوئاشقا تەئەللۇق بولغان بىر تۈپ پىستە دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇردى. يوئاش بولسا ئابىئەزەر جەمەتىدىن ئىدى. ئۇنىڭ ئوغلى گىدئون مىديانلاردىن يوشۇرۇنچە ئۈزۈم ئېزىش ئازگىلىدا بۇغداي ئېزىۋاتاتتى. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇ يەردە ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ: _ ئەي باتۇر ئەزىمەت! پەرۋەردىگار ساڭا ياردۇر! _ دېدى. گىدئون ئۇنىڭغا: _ تەقسىر، ئەگەر پەرۋەردىگار بىزگە يار بولغان بولسا، بىز نېمىشقا بۇنداق بەختسىزلىكلەرگە ئۇچرايمىز؟ ئەجدادلىرىمىز بىزگە، پەرۋەردىگار بىزنى مىسىردىن قانداق ئېلىپ چىققانلىقىنى ئېيتقانىدى. ئەمدى ئاشۇ ئاجايىپ مۆجىزىلەر نەگە كەتتى؟ پەرۋەردىگار بىزدىن ۋاز كېچىپ، بىزنى مىديانلارنىڭ قولىغا تاشلاپ بەردى، _ دېدى. پەرۋەردىگار گىدئونغا بۇرۇلۇپ: _ سەن پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن ئىسرائىللارنى مىديانلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغىن. سېنى مانا مەن ئۆزۈم ئەۋەتىمەن! _ دېدى. _ تەقسىر، مەن بولسام ماناسسە قەبىلىسىنىڭ ئەڭ ئاجىز جەمەتىگە تەئەللۇقمەن. ئىسرائىللارنى قانداقمۇ قۇتقۇزالايمەن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتامنىڭ جەمەتىدىكى ئەڭ ئەرزىمەس كىشىمەن، _ دېدى گىدئون. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ مەن جەزمەن ساڭا يار بولىمەن. سەن مىديانلارنى خۇددى بىر ئادەمنى ئۇجۇقتۇرغانغا ئوخشاش ئاسانلا يوقىتىسەن، _ دېدى. گىدئون: _ ئەگەر مەن ئىلتىپاتىڭىزغا مۇيەسسەر بولغان بولسام، مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان كىشىنىڭ ئۆزىڭىز ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ماڭا بىر ئالامەت كۆرسەتكەيسىز. مەن سىزگە ئۆزۈمنىڭ ھەدىيەسىنى كەلتۈرمىگۈچە بۇ يەردىن كەتمىگەيسىز، _ دېدى. _ سەن قايتىپ كەلگۈچە ساقلايمەن، _ دېدى پەرۋەردىگار. شۇنىڭ بىلەن گىدئون ئۆيىگە بېرىپ، بىر ئوغلاقنى سويۇپ ئۇنى پىشۇردى ۋە يېرىم خالتا ئۇندا پېتىر نان پىشۇرۇپ، گۆشنى سېۋەتكە، شورپىسىنى ساپال كورىغا ئېلىپ پىستە دەرىخىنىڭ تۈۋىگە ئېلىپ كەلدى. خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا: _ گۆش بىلەن پېتىر ناننى بۇ قورام تاشنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، شورپىنى ئۈستىگە تۆككىن، _ دېدى، گىدئون شۇنداق قىلدى. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى قولىدىكى ھاسىنى ئۇزاتقانىدى، ھاسىنىڭ ئۇچى گۆش بىلەن نانغا تېگىشى بىلەنلا تاشتىن ئوت چىقىپ، گۆش بىلەن نان كۆيۈپ كەتتى. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىمۇ كۆزدىن غايىب بولدى. گىدئون ئۆزىنىڭ كۆرگىنىنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ: _ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار! ئەمدى مەن تۈگەشتىم، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بىلەن يۈزمۇيۈز كۆرۈشۈپتىمەن ئەمەسمۇ! _ دېدى. پەرۋەردىگار گىدئونغا: _ قورقمىغىن، ئۆلمەيسەن، ئامان بول! _ دېدى. گىدئون ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ ئۇنىڭ نامىنى ياھۋەھ-شالوم دەپ قويدى. بۇ قۇربانلىق سۇپىسى ئابىئەزەرلەرنىڭ ئوفراھ دېگەن جايىدا ھازىرغىچە بار. ئۇ كۈنى كېچىسى پەرۋەردىگار گىدئونغا: _ سەن ئاتاڭنىڭ يەتتە ياشلىق ئىككىنچى بۇقىسىنى ئېلىپ بېرىپ، ئاتاڭ ئىلاھ بائالغا ئاتاپ ياسىغان قۇربانلىق سۇپىسىنى چېقىپ، سۇپىنىڭ يېنىدىكى ئىلاھە ئاشېراغا ئاتاپ ياسالغان ياغاچ تۈۋرۈكنى كېسىپ يىقىتىۋەت. ئاندىن بۇ قورام تاش ئۈستىدە پەرۋەردىگارىڭ خۇداغا ئاتاپ مۇۋاپىق بىر قۇربانلىق سۇپىسىنى ياساپ، ئۆزۈڭ كەسكەن ئاشېرا ياغاچ تۈۋرۈكىنى ئوتۇن قىلىپ، ھېلىقى بۇقىنى سۇپىنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرۈپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىل، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن گىدئون چاكارلىرىدىن ئون كىشىنى ئېلىپ بېرىپ، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇيرۇغاندەك قىلدى. ئۇ ئاتىسىنىڭ جەمەتىدىكىلەر ۋە شەھەر ئاھالىسىدىن قورقۇپ، بۇ ئىشنى كۈندۈزى قىلىشقا جۈرئەت قىلالماي، كېچىسى قىلدى. ئەتىسى سەھەردە شەھەر ئاھالىسى ئورنىدىن تۇرۇپ، بائال قۇربانلىق سۇپىسى بىلەن ئاشېرا ياغاچ تۈۋرۈكىنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكىنى ۋە ھېلىقى بۇقىنىڭ يېڭى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرۈلىۋەتكەنلىكىنى كۆردى. ئۇلار ئۆزئارا: _ بۇ ئىشنى كىم قىلغاندۇ؟ _ دېيىشتى. ئۇلار سۈرۈشتۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، بىر-بىرىگە: _ بۇ ئىشنى يوئاشنىڭ ئوغلى گىدئون قىلىپتۇ-دە، _ دېيىشتى. شەھەر ئاھالىلىرى يوئاشقا: _ ئوغلۇڭنى چىقىرىپ بەر، ئۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم! ئۇ بائال قۇربانلىق سۇپىسىنى چېقىپ، ئۇنىڭ يېنىدىكى ئاشېرا ياغاچ تۈۋرۈكىنى كېسىپ يىقىتىۋېتىپتۇ، _ دېدى. يوئاش ئۆزىنى ئەيىبلىگەن خالايىققا: _ سىلەر بائال ئۈچۈن تاكاللىشىپ، ئۇنى قوغداپ قالماقچىمۇ؟ كىم ئۇنىڭ ئۈچۈن تاكاللاشسا تاڭ ئاتماي تۇرۇپ ئۇ ئۆلىدۇ. ئەگەر بائال راستتىنلا ئىلاھ بولسا، ئۇ ئۆزىنى ئۆزى قوغداپ، قۇربانلىق سۇپىسىنى چېقىۋەتكەن كىشىنى ھالاك قىلسۇن، _ دەپ جاۋاب قايتۇردى. بائالنىڭ قۇربانلىق سۇپىسى چېقىلىپ كەتكەندىن باشلاپ، كىشىلەر گىدئوننى «يىرۇببائال» دەپ ئاتاشتى. بۇ «بائال ئەدىپىنى بەرسۇن!» دېگەن مەنىدە ئىدى. ئۇ چاغدا مىديانلار، ئامالەكلەر ۋە شەرقتىكى قوۋملار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، يىزرىئەل جىلغىسىدا چېدىرلىرىنى تىكىشتى. پەرۋەردىگارنىڭ روھى گىدئوننى ئۆز ئىلكىگە ئالدى. گىدئون بۇرغا چېلىپ، ئابىئەزەر جەمەتىنىڭ ئادەملىرىنى ئۆز ئەتراپىغا يىغدى. ئۇ ماناسسە زېمىنىغىمۇ ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنىمۇ ئۆزىگە ئەگىشىشكە چاقىردى. ھەمدە ئاشېر، زەبۇلۇن ۋە نافتالى قەبىلىلىرىگىمۇ ئەلچى ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گىدئوننىڭ قېشىغا كېلىشتى. شۇنىڭ بىلەن گىدئون خۇداغا: _ ئەگەر سەن ئېيتقىنىڭدەك ئىسرائىللارنى راستتىنلا مېنىڭ قولۇم ئارقىلىق قۇتقۇزماقچى بولساڭ، ئۇنداقتا مەن خامانغا بىر قوينىڭ تېرىسىنى قويۇپ قوياي. ئەگەر سەھەردە پەقەت قوي تېرىسىنىڭ ئۈستىدىلا شەبنەم بولۇپ، يەر يۈزى قۇرۇق بولسا، سېنىڭ ھەقىقەتەن مېنىڭ قولۇم ئارقىلىق ئىسرائىللارنى قۇتقۇزىدىغانلىقىڭنى بىلەي، _ دېدى. ئەھۋال ئۇنىڭ دېگىنىدەك بولدى. گىدئون ئورنىدىن سەھەر تۇرۇپ قوي تېرىسىنى سىقىۋىدى، بىر چىنە شەبنەم سۈيى چىقتى. گىدئون خۇداغا يەنە: _ ماڭا غەزەپلەنمىگەيسەن، يەنە بىر تەلىپىمنى قوبۇل قىلغايسەن. قوي تېرىسى بىلەن يەنە بىر سىناپ كۆرەي، بۇ قېتىم تېرە قۇرۇق تۇرۇپ يەر يۈزىگە شەبنەم چۈشكەي، _ دېدى. ئۇ كېچە خۇدا شۇنداق قىلدى. دەرۋەقە، ئەتىسى سەھەردە قوي تېرىسى قۇرۇق تۇرۇپ، يەر يۈزىگە شەبنەم چۈشكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن يىرۇببائال، يەنى گىدئون سەھەر تۇرۇپ ئۆزىگە قوشۇلغان ھەممە قوشۇنلىرى بىلەن خارود بۇلىقىنىڭ يېنىغا كېلىپ چېدىرلىرىنى تىكتى. مىديانلارنىڭ بارگاھى، ئۇلارنىڭ شىمال تەرىپىدىكى جىلغا ئىچىدە، يەنى مورەھ تۆپىلىكىنىڭ يېنىدا ئىدى. پەرۋەردىگار گىدئونغا: _ ساڭا قوشۇلغان ئادەم ناھايىتى كۆپ ئىكەن، ئەگەر مەن ئىسرائىللارنى مىديانلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلدۇرسام، ئۇلار ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ غەلىبە قىلدۇق، دەپ ئويلاپ ماختىنىدۇ. سەن ئۇلارغا: «كىم دۈشمەندىن قورقۇپ يۈرىكى سېلىپ كەتسە، دەرھال گىلئاد تېغىدىن ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەتسۇن» دەپ ئېيتقىن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن 22 مىڭ كىشى قايتىپ كېتىپ، 10 مىڭ كىشى قېلىپ قالدى. پەرۋەردىگار گىدئونغا يەنە: _ قېلىپ قالغان كىشىلەر يەنىلا كۆپ، ئۇلارنى سۇ بويىغا ئېلىپ بار، مەن ئۇ يەردە ئۇلارنى سىنايمەن. ئەگەر مەن: «بۇ ئادەم بارسۇن» دېسەم، ئۇ بارسۇن، مەن: «بۇ ئادەم بارمىسۇن» دېسەم، ئۇ بارمىسۇن، _ دېدى. گىدئون ئۆزىگە قوشۇلغان كىشىلەرنى سۇ بويىغا ئېلىپ باردى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سەن، سۇنى قولىغا ئېلىپ تىلى بىلەن ئىتقا ئوخشاش يالاپ ئىچىدىغانلار بىلەن، سۇنى يۈكۈنۈپ تۇرۇپ ئىچىدىغانلارنى ئايرىپ چىق، _ دېدى. 300 ئادەم سۇنى قولىغا ئېلىپ يالاپ ئىچتى، قالغانلىرى سۇغا ئېڭىشىپ يۈكۈنۈپ تۇرۇپ ئىچتى. پەرۋەردىگار گىدئونغا: _ مەن سۇنى قولىغا ئېلىپ يالاپ ئىچكەن شۇ 300 ئادەم بىلەن سىلەرنى قۇتقۇزۇپ، مىديانلارنى قولۇڭلارغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. قالغانلارنىڭ ھەممىسى قايتىپ كەتسۇن، _ دېدى. گىدئون 300 ئادەمنى ئېلىپ قېلىپ، باشقىلارنى ئۆز چېدىرلىرىغا كەتكۈزۈۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن تاللانغان ئادەملەر كەتكەنلەرنىڭ ئوزۇق-تۈلۈك ۋە چالىدىغان بۇرغالىرىنى ئۆزلىرىگە ئېلىپ قالدى. مىديانلارنىڭ بارگاھى پەستىكى جىلغىغا جايلاشقانىدى. شۇ كېچىسى پەرۋەردىگار گىدئونغا: _ ئورنۇڭدىن تۇر! مىديانلارنىڭ بارگاھىغا ھۇجۇم قىل. مەن ئۇلارنى سېنىڭ قولۇڭغا چۈشۈرۈپ بېرىمەن. ئەگەر سەن ھۇجۇم قىلىشتىن قورقساڭ، ئاۋۋال پۇراھ ئىسىملىك چاكىرىڭ بىلەن مىديانلارنىڭ بارگاھىغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىساڭ، ھۇجۇم قىلىش غەيرىتىگە كېلىسەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن گىدئون چاكىرىنى ئېلىپ دۈشمەن بارگاھىنىڭ يېنىغا باردى. مىديانلار، ئامالەكلەر ۋە شەرقتىكى قوۋملار جىلغىنى بىر ئالغان بولۇپ، خۇددى بىر توپ چېكەتكىدەك كۆپ ئىدى. ئۇلارنىڭ تۆگىلىرى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك ھەددى-ھېسابسىز ئىدى. گىدئون بارگاھقا يېقىن كېلىپ، بىر كىشىنىڭ ئۆز ھەمراھىغا كۆرگەن چۈشىنى ئېيتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. ئۇ كىشى: _ مەن بىر چۈش كۆرۈپتىمەن. چۈشۈمدە بىر ئارپا نېنى بىز مىديانلارنىڭ بارگاھىغا دومىلاپ كىرىپ، چېدىرغا تېگىپ كېتىشى بىلەن تەڭ چېدىر ئۆرۈلۈپ چۈشۈپتۇدەك، _ دېيىشى بىلەن، ئۇنىڭ ھەمراھى: _ ئۇ باشقا نەرسە ئەمەس، ئىسرائىللاردىن بولغان يوئاشنىڭ ئوغلى گىدئوننىڭ قىلىچى! خۇدا مىديانلارنى ۋە پۈتۈن قوشۇنىمىزنى ئۇنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بېرىپتۇ، _ دېدى. گىدئون بۇ چۈشنى ۋە ئۇنىڭ تەبىرىنى ئاڭلىغان ھامان خۇداغا ھەمدۇسانالار ئېيتتى. ئۇ ئىسرائىللارنىڭ بارگاھىغا قايتىپ كېلىپ، ئادەملىرىگە: _ تۇرۇڭلار! پەرۋەردىگار مىديانلارنىڭ قوشۇنىنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بېرىدۇ! _ دېدى. گىدئون قول ئاستىدىكى 300 ئادەمنى ئۈچ توپقا بۆلۈپ، ھەربىر ئادەمگە بىر بۇرغا بىلەن ئىچىگە مەشئەل قويۇلغان بىر كوزا بېرىپ، ئۇلارغا: _ مەن دۈشمەن بارگاھىنىڭ يېنىغا بارغاندا، مەندىن كۆز ئۈزمەي قاراپ تۇرۇڭلار. مەن نېمە قىلسام، سىلەرمۇ شۇنى قىلىڭلار. مەن ۋە مېنىڭ توپۇمدىكىلەر بۇرغا چالغاندا، سىلەرمۇ بارگاھ ئەتراپىدا بۇرغا چېلىڭلار ۋە «پەرۋەردىگار ئۈچۈن، گىدئون ئۈچۈن!» دەپ ۋارقىراڭلار، _ دېدى. گىدئون ۋە ئۇنىڭ 100 ئادىمى تۈن يېرىم بولۇشتىن ئىلگىرى مىديانلارنىڭ قاراۋۇللىرى ئالماشقاندىن كېيىن بارگاھنىڭ يېنىغا يېتىپ باردى. ئۇلار بۇرغا چېلىپ قوللىرىدىكى كوزىلارنى چېقىۋەتتى، شۇنداق قىلىپ ئۈچ توپنىڭ ھەممىسى شۇنداق قىلىشتى. ئۇلار سول قولىدا مەشئەل تۇتۇپ، ئوڭ قولىدا بۇرغا چېلىپ: _ پەرۋەردىگار ئۈچۈن، گىدئون ئۈچۈن قىلىچنى كۆتۈرەيلى! _ دەپ ۋارقىراشتى. ئۇلار بارگاھنىڭ ئەتراپىدا ئۆز ئورۇنلىرىدا مەھكەم تۇردى. دۈشمەن قوشۇنى پاتىپاراق بولۇپ، داد-پەرياد كۆتۈرۈپ قاچقىلى تۇردى. گىدئوننىڭ 300 ئادىمى بۇرغا چالغاندا پەرۋەردىگار دۈشمەن قوشۇنىنى ئۆز قىلىچلىرى بىلەن ئۆزئارا بىر-بىرىنى قىرغىنچىلىققا سېلىپ قويغانىدى. ئۇلار زىرېرا تەرەپكە قاراپ، تاكى بەيت-شىتتاھ ۋە تاببات شەھىرى يېنىدىكى ئابېل-مىخولا چېگراسىغىچە قېچىشتى. نافتالى، ئاشېر ۋە پۈتۈن ماناسسەدىكى ئىسرائىللار زېمىنلىرىدىن چىقىپ مىديانلارنىڭ كەينىدىن قوغلاشقا چاقىرىلدى. گىدئون ئەفرايىم تاغلىق رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا: _ سىلەرمۇ چۈشۈپ مىديانلارغا قارشى جەڭگە ئاتلىنىڭلار، ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكىنى بەيت-باراھ شەھىرىگىچە ئىشغال قىلىپ، مىديانلارنىڭ دەريادىن ئۆتۈشىگە يول قويماڭلار، _ دېدى. ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ ئادەملىرى توپلىنىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكىنى تاكى بەيت-باراھ شەھىرىگىچە ئىشغال قىلدى. ئۇلار مىديانلارنىڭ ئورېب بىلەن زىئېب دېگەن ئىككى سەركەردىسىنى ئەسىرگە ئالدى. ئۇلار «ئورېب قورام تېشى»نىڭ ئۈستىدە ئورېبنى ئۆلتۈردى، «زىئېب ئۈزۈم ئېزىش ئازگىلى»دا زىئېبنىمۇ ئۆلتۈردى. ئۇلار مىديانلارغا داۋاملىق قوغلاپ زەربە بېرىپ، ئورېب بىلەن زىئېبنىڭ كاللىسىنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا تۇرغان گىدئونغا ئېلىپ باردى. ئەفرايىم قەبىلىسىدىكىلەر گىدئونغا: _ سەن بىزگە نېمىشقا بۇنداق قىلىسەن؟ سەن مىديانلار بىلەن جەڭگە چىققاندا، نېمىشقا بىزنى چاقىرمايسەن؟ _ دەپ گىدئوننى قاتتىق ئەيىبلىدى. گىدئون ئۇلارغا: _ مېنىڭ قىلغان ئىشلىرىم قانداقمۇ سىلەرنىڭ قىلغان ئىشلىرىڭلارغا تەڭ كەلسۇن؟ ئەفرايىم زېمىنىدىكى ھوسۇلۇڭلاردىن ئېشىپ قالغان ئۈزۈملەر مېنىڭ ئۆز جەمەتىم بولغان ئابىئەزەرلەرنىڭ بىر يىللىق ھوسۇلىدىنمۇ كۆپقۇ؟ خۇدا ئاللىقاچان سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا مىديانلارنىڭ ئىككى سەركەردىسى ئورېب بىلەن زىئېبنى چۈشۈرۈپ بەردى. مېنىڭ قىلغانلىرىمنى قانداقمۇ سىلەرنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولسۇن؟ _ دېدى. گىدئوننىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلىغان ئەفرايىم قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ ئاچچىقلىرى يېنىشتى. گىدئون 300 ئادەم بىلەن ئىئوردان دەرياسىدىن كېسىپ ئۆتتى. ئۇلار ھېرىپ كەتكەن بولسىمۇ، دۈشمەننى داۋاملىق قوغلاپ زەربە بەردى. ئۇلار سۇككوت شەھىرىگە كەلگەندە، گىدئون شەھەردىكىلەرگە: _ ئادەملىرىمگە نان بەرسەڭلار، ئۇلار بەك چارچاپ كەتتى. بىز يەنە مىديانلارنىڭ ئىككى شاھى زەباخ بىلەن زالمۇننانى قوغلاپ تۇتۇشىمىز كېرەك، _ دېدى. سۇككوتنىڭ ئەمەلدارلىرى گىدئونغا: _ سەن تېخى زەباخ بىلەن زالمۇننانى قولغا چۈشۈرمىگەن تۇرساڭ، بىز نېمىشقا سېنىڭ ئادەملىرىڭگە نان بەرگۈدەكمىز؟ _ دېدى. گىدئون ئۇلارغا: _ ئۇنداقتا پەرۋەردىگار زەباخ بىلەن زالمۇننانى قولۇمغا چۈشۈرۈپ بەرگەندىن كېيىن، مەن قايتىپ كېلىپ چۆلدىكى تىكەن ۋە يانتاق بىلەن تېرەڭلارنى شىلىمەن، _ دېدى. گىدئون سۇككوتتىن چىقىپ پىنۇئېل شەھىرىگە كېلىپ ئۇلاردىنمۇ نان تەلەپ قىلدى. بىراق ئۇلارمۇ سۇككوتلارغا ئوخشاش جاۋاب بەردى. گىدئون ئۇلارغىمۇ: _ مەن نۇسرەت قۇچۇپ قايتىپ كەلگەندە، شەھەر قەلئەسىنى ۋەيران قىلىۋېتىمەن، _ دېدى. شۇ ۋاقىتتا زەباخ بىلەن زالمۇننا ۋە ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرى قارقور دېگەن جايدا ئىدى. ئۇلارنىڭ سانى ئالاھازەل 15 مىڭ بولۇپ، ھەممىسى شەرقتىكى قەبىلىلەرنىڭ لەشكەرلىرىدىن قېلىپ قالغانلىرى ئىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ 120 مىڭ قىلىچلىق لەشكىرى ئۆلگەنىدى. گىدئون نوباخ ۋە يوگبوھا شەھەرلىرىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى كارۋان يولىدىن چىقىپ دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلدى. بۇ ۋاقىتتا دۈشمەن قوشۇنى ئۆزىنى بىخەتەر دەپ ھېس قىلاتتى. مىديانلارنىڭ ئىككى شاھى بولغان زەباخ بىلەن زالمۇننا قېچىشىغا، گىدئون ئۇلارنى قوغلاپ قولغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ پۈتۈن قوشۇنىنى تارمار قىلدى. ئاندىن يوئاشنىڭ ئوغلى گىدئون خەرەس داۋىنى بىلەن جەڭ مەيدانىدىن قايتىپ كەلدى. يولدا ئۇ سۇككوت شەھىرىلىك بىر يىگىتنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭدىن سۇككوتنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە ئاقساقاللىرىنىڭ ئىسمىنى يېزىپ بېرىشكە بۇيرۇدى. ئۇ يىگىت 77 ئادەمنىڭ ئىسمىنى يېزىپ بەردى. گىدئون سۇككوتقا كېلىپ بۇ شەھەرنىڭ ئاھالىلىرىگە: _ مانا، زەباخ بىلەن زالمۇننا! سىلەر ماڭا: «سەن تېخى زەباخ بىلەن زالمۇننانى قولغا چۈشۈرمىگەن تۇرساڭ، بىز نېمىشقا سېنىڭ ھالىدىن كەتكەن ئادەملىرىڭگە نان بەرگۈدەكمىز؟» دەپ تاپا-تەنە قىلغانىدىڭلار، _ دېدى. ئۇ شەھەر يولباشچىلىرىنى تۇتۇپ كېلىپ، چۆلدىكى تىكەن ۋە يانتاق بىلەن ئۇلارنىڭ تېرىسىنى شىلدى. ئۇ يەنە پىنۇئېل شەھەر قەلئەسىنى ۋەيران قىلىپ، شەھەر ئاھالىسىنى قىرىۋەتتى. گىدئون زەباخ بىلەن زالمۇننادىن: _ سىلەر تابور تېغىدا ئۆلتۈرگەن ئادەملەر قانداق ئادەملەر ئىدى؟ _ دەپ سورىدى. ئۇلار جاۋابەن: _ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساڭا ئوخشايدىغان شاھزادە سۈپەت ئادەملەر ئىدى، _ دېدى. گىدئون ئۇلارغا: _ ئۇلار مېنىڭ قېرىنداشلىرىم، ئانامنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا شۇنداق قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر سىلەر ئۇلارنى ھايات قالدۇرغان بولساڭلار، مەنمۇ سىلەرنى ھايات قالدۇرغان بولاتتىم، _ دېدى. ئاندىن ئۇ چوڭ ئوغلى يەتەرگە: «ئورنۇڭدىن تۇر، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋەت!» دەپ بۇيرۇدى. لېكىن يەتەر تېخى كىچىك بولغاچقا، قورقۇپ كېتىپ قىلىچىنى چىقىرالمىدى. زەباخ بىلەن زالمۇننا گىدئونغا: _ سەن ھەقىقىي ئەركەك بولساڭ، ئۆزۈڭ بىزنى ئۆلتۈرگىن! _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن گىدئون ئۆز قولى بىلەن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋەتتى، ھەمدە ئۇلارنىڭ تۆگىلىرىنىڭ بوينىدىكى ھىلال ئاي شەكلىدىكى بېزەكلىرىنى ئېلىۋالدى. ئاندىن ئىسرائىللار گىدئونغا: _ سەن بىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلغايسەن، ئوغلۇڭدىن تارتىپ نەۋرەڭگىچە ئۈستىمىزدىن ھۆكۈم سۈرگەي. چۈنكى سەن بىزنى مىديانلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدۇڭ، _ دېدى. گىدئون ئۇلارغا: _ مەن ھۆكۈمرانلىق قىلمايمەن، مېنىڭ ئوغلۇممۇ ھەم شۇنداق، پەرۋەردىگار سىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ، _ دېدى. گىدئون ئۇلارغا يەنە: _ مېنىڭ سىلەرگە دەيدىغان بىرلا تەلىپىم بار، ماڭا ئولجاڭلار ئىچىدىن ھەربىرىڭلار بىردىن ھالقا بېرىڭلار، _ دېدى. (مىديانلار ئىسمائىللاردىن بولغاچقا، ئۇلار ئالتۇن ھالقا تاقايتتى.) ئۇلار گىدئونغا: «بىز بېرىشكە رازى!» دېدى-دە، توندىن بىرنى يەرگە يېيىپ، ھەربىرى بىردىن ھالقىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشلاشتى. بۇ ئالتۇن ھالقىلارنىڭ ئېغىرلىقى 20 كىلوگىرام چىقتى. ئۇنىڭدىن باشقا ھىلال ئاي شەكلىدىكى بېزەكلەر، زۇننارلار، مىديان شاھلىرى كىيىدىغان سۆسۈن رەڭلىك كىيىملەر ۋە تۆگىلەرنىڭ بوينىدىكى بېزەكلىك زەنجىرلەرمۇ بار ئىدى. گىدئون بۇ ئالتۇنلاردىن بىر ئېفود ياسىتىپ، ئۇنى ئۆز يۇرتى ئوفراھقا ئورۇنلاشتۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن ئىسرائىللار ئېفودقا چوقۇنۇپ، ئۇنىڭغا خۇددى پاھىشىلەردەك سېتىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئېفود گىدئون ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى ئازدۇرىدىغان قىلتاق بولدى. شۇنداق قىلىپ مىديانلار ئىسرائىللار تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، جەڭ قىلىش ئىرادىسى سۇندۇرۇلدى. بۇ زېمىن گىدئون ئالەمدىن ئۆتكىچە بولغان 40 يىل تىنچ-ئامان تۇردى. يوئاشنىڭ ئوغلى يىرۇببائال، يەنى گىدئون يۇرتىغا قايتىپ، ئۆز ئۆيىدە تۇردى. ئۇنىڭ خوتۇنلىرى كۆپ بولغاچقا، ئۇلاردىن 70 ئوغۇل تاپتى. ئۇنىڭ شەكەم شەھىرىدە تۇرىدىغان توقىلىمۇ ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. گىدئون ئۇنىڭغا ئابىمەلەك دەپ ئىسىم قويدى. يوئاشنىڭ ئوغلى گىدئون ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۆز ئەجىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئابىئەزەرلەرگە تەۋە بولغان ئوفراھتا، ئۆز ئاتىسى يوئاشنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى. گىدئون ئالەمدىن ئۆتۈشى بىلەنلا ئىسرائىللار يەنە بائالغا چوقۇنۇپ ئۇنىڭغا خۇددى پاھىشىلەردەك سېتىلدى. ئۇلار بائال-بىرىتنى ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھى قىلدى. ئىسرائىللار ئۆزلىرىنى ئەتراپىدىكى بارلىق دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغان پەرۋەردىگارى _ خۇدانى ئۇنتۇدى، گەرچە يىرۇببائال، يەنى گىدئون ئىسرائىللارغا نۇرغۇن ياخشىلىق قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار ئۇنىڭ ئائىلىسىگە قىلچىمۇ مېھرىبانلىق قىلمىدى. يىرۇببائالنىڭ ئوغلى ئابىمەلەك شەكەم شەھىرىگە بېرىپ، ئۆز ئانىسىنىڭ تۇغقانلىرىغا ۋە پۈتۈن جەمەتىگە: _ سىلەر شەكەمنىڭ ئاقساقاللىرىغا: «ئۆزۈڭلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا يىرۇببائال _ گىدئوننىڭ 70 ئوغلىنى خالامسىلەر ياكى بىر كىشىنىمۇ؟ ئۇنتۇپ قالماڭلار مەنمۇ سىلەرنىڭ قان قېرىندىشىڭلار!» دەڭلار، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ تۇغقانلىرى ئابىمەلەك ئۈچۈن شەكەمنىڭ پۈتۈن ئاقساقاللىرىغا سۆز قىلدى. يئاقساقاللار: «ئۇ بىزنىڭ قېرىندىشىمىز» دەپ، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئابىمەلەككە ئەگىشىشنى قارار قىلدى. ئۇلار ئابىمەلەككە بائال-بىرىت بۇتخانىسىدىن 70 كۈمۈش تەڭگە بەردى. ئابىمەلەك بۇ تەڭگىلەرنى بىر توپ چاكىنا ئۆكتەملەرنى ياللاشقا ئىشلەتتى. ئۇ ئوفراھ شەھىرىدىكى ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۆز قېرىنداشلىرىنى، يەنى يىرۇببائالنىڭ 70 ئوغلىنى بىر قورام تاشنىڭ ئۈستىدە ئۆلتۈرۈۋەتتى. پەقەتلا يىرۇببائالنىڭ كىچىك ئوغلى يوتەم يوشۇرۇنىۋېلىپ قېچىپ كەتتى. شەكەمنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرى ۋە بەيت-مىللولۇقلار شەكەم شەھىرىگە يىغىلدى. ئۇلار تۈۋرۈك يېنىدىكى دۇپ دەرىخى ئاستىدا ئابىمەلەكنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. بۇ خەۋەر يوتەمغە يەتكەندە، ئۇ گىرىزىم تېغىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، ۋارقىراپ تۇرۇپ: _ گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار شەكەمنىڭ ئاقساقاللىرى! ئەگەر سىلەر مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىساڭلار، خۇدامۇ سىلەرنىڭ گېپىڭلارنى ئاڭلايدۇ. بۇرۇنقى زاماندا دەرەخلەر ئۆزلىرىگە پادىشاھ ئىزدەپ، زەيتۇن دەرىخىگە: «بىزگە پادىشاھ بولغىن» دەپتۇ. لېكىن زەيتۇن دەرىخى ئۇلارغا: «مەن ئىلاھلار ۋە كىشىلەر شەرىپىگە بېرىدىغان مېيىمدىن ۋاز كېچىپ، دەرەخلەرگە پادىشاھ بولامتىم؟» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئاندىن دەرەخلەر ئەنجۈر دەرىخىگە: «سەن كېلىپ بىزگە پادىشاھ بولغىن» دەپتۇ. بىراق ئەنجۈر دەرىخى ئۇلارغا: «مەن ئۆزۈمنىڭ تاتلىق ۋە ياخشى مېۋىلىرىمنى تاشلاپ، دەرەخلەرگە پادىشاھ بولامتىم؟» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دەرەخلەر ئۈزۈم كۆچىتىگە: «سەن كېلىپ بىزگە پادىشاھ بولغىن» دەپتۇ. بىراق ئۈزۈم كۆچىتىمۇ ئۇلارغا: «مەن ئىلاھلار ۋە كىشىلەرگە خۇشاللىق بېغىشلايدىغان ئېسىل شارابىمدىن ۋاز كېچىپ، دەرەخلەرگە پادىشاھ بولامتىم؟» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئەڭ ئاخىرىدا بارلىق دەرەخلەر يانتاققا: «سەن كېلىپ بىزگە پادىشاھ بولغىن» دەپتۇ. يانتاق ئۇلارغا: «ئەگەر سىلەر مېنى سەمىمىي نىيىتىڭلار بىلەن ئۆزۈڭلارغا پادىشاھ قىلماقچى بولساڭلار، كېلىپ مېنىڭ سايەم ئاستىدا پاناھلىنىڭلار. ئۇنداق بولمىسا، مەن يانتاقتىن ئوت چىقىپ، لىۋان كېدىر دەرەخلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغاي» دەپتۇ. يوتەم سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: _ سىلەر سەمىمىي ۋە دۇرۇس نىيىتىڭلار بىلەن ئابىمەلەكنى پادىشاھ قىلغان بولساڭلار، ياكى سىلەر يىرۇببائالغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ساداقەت كۆرسەتكەن بولساڭلار، سىلەر يىرۇببائالنىڭ قىلغان ئىشلىرىغا لايىق جاۋاب قايتۇرغان بولاتتىڭلارغۇ! ئاتام سىلەر ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىپ، ھاياتىغا تەۋەككۈل قىلىپ سىلەرنى مىديانلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى. بىراق بۈگۈنكى كۈنلۈكتە سىلەر ئىسيان كۆتۈرۈپ ئاتامنىڭ جەمەتىگە قارشى تۇرۇپ، ئۇنىڭ 70 ئوغلىنى بىر تاشنىڭ ئۈستىدە ئۆلتۈردۈڭلار ھەمدە ئۇنىڭ دېدىكىنىڭ ئوغلى ئابىمەلەكنى سىلەرنىڭ تۇغقىنىڭلار بولغانلىقى ئۈچۈن شەكەم ئاقساقاللىرىنىڭ پادىشاھى قىلىپ تىكلىدىڭلار. ئەگەر سىلەر بۈگۈنكى كۈنلۈكتە يىرۇببائال ۋە ئۇنىڭ جەمەتىگە سەمىمىي ۋە دۇرۇس نىيىتىڭلار بىلەن مۇئامىلە قىلغان بولساڭلار، ئابىمەلەك سىلەردىن، سىلەرمۇ ھەم ئابىمەلەكتىن ئۆزئارا خۇشاللىق تاپقايسىلەر. ئەگەر ئۇنداق قىلمىغان بولساڭلار، ئابىمەلەكتىن ئوت چىقىپ شەكەم ۋە بەيت-مىللو ئاقساقاللىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغاي. خۇددى شۇنىڭدەك شەكەم ۋە بەيت-مىللو ئاقساقاللىرىدىنمۇ ئوت چىقىپ ئابىمەلەكنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغاي، _ دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن، يوتەم ئاكىسى ئابىمەلەكتىن قورقۇپ، قېچىپ بەئەر دېگەن جايغا بېرىپ ياشىدى. ئابىمەلەك ئىسرائىللارغا ئۈچ يىل ھۆكۈمران بولدى. خۇدا ئابىمەلەك ۋە شەكەمنىڭ ئاقساقاللىرى ئارىسىغا سوغۇقچىلىق سالىدىغان يامان روھنى ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن شەكەم ئاقساقاللىرى ئابىمەلەككە ساتقۇنلۇق قىلىشقا باشلىدى. خۇدانىڭ مۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى، يىرۇببائالنىڭ 70 ئوغلىنىڭ قېنىنى تۆككەن ئابىمەلەكنى ھەمدە ئابىمەلەكنى قوللاپ ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە ياردەم بەرگەن شەكەم ئاقساقاللىرىنى جازالاش ئىدى. شەكەم ئاقساقاللىرى ئابىمەلەكنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن تاغلىرىغا بۆكتۈرمە قويۇپ، يولدىن ئۆتكەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى. بۇ سۇيىقەستتىن ئابىمەلەك خەۋەر تاپتى. ئەبىدنىڭ ئوغلى گائال شەكەم شەھىرىگە قېرىنداشلىرى بىلەن كۆچۈپ كېلىپ، شەكەم ئاقساقاللىرىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى. ئۇلار ئۈزۈمزارلىققا بېرىپ، ئۈزۈملەرنى ئۈزۈپ، دەسسەپ شاراب چىقىرىپ، ئۆز ئىلاھىنىڭ بۇتخانىسىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ يەپ-ئىچىپ، ئابىمەلەككە لەنەت ئوقۇشتى. ئەبىدنىڭ ئوغلى گائال ئۇلارغا: _ ئابىمەلەك دېگەن كىم ئىكەن، بىز شەكەملىكلەرنى ئۆز خىزمىتىگە سالغۇدەك؟ ئۇ دېگەن يىرۇببائالنىڭ ئوغلىغۇ؟ زىبۇلمۇ پەقەت ئۇنىڭ بىر ئەمەلدارى خالاس! شەكەمنىڭ ئاتىسى بولغان خامورنىڭ ئەۋلادلىرىغا خىزمەت قىلىڭلار! نېمىشقا ئابىمەلەككە خىزمەت قىلغۇدەكمىز؟ ئەگەر مۇشۇ كىشىلەر مېنىڭ قول ئاستىمدا بولسا مەن ئابىمەلەكنى يوقاتقان بولاتتىم! مەن ئۇنىڭغا: «قوشۇنىڭنى چاقىرىپ چىق!» دېگەن بولاتتىم، _ دېدى. شەھەر ھاكىمى بولغان زىبۇل ئەبىدنىڭ ئوغلى گائالنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ، غەزەپلەندى. ئۇ ئابىمەلەككە مەخپىي خەۋەرچى ئەۋەتىپ: «ئەبىدنىڭ ئوغلى گائال قېرىنداشلىرى بىلەن شەكەم شەھىرىگە كەلدى. ئۇلار شەھەر خەلقىنى ساڭا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا سەن قوشۇنلىرىڭ بىلەن كېچىلەپ كېلىپ، شەھەر سىرتىدىكى ئېتىزلىقتا بۆكتۈرمىدە يېتىڭلار. تاڭ سەھەر كۈن چىقىشى بىلەنلا شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ، گائال ۋە ساڭا قارشى چىققانلارغا خالىغىنىڭچە زەربە بەرگىن!» دېگەن خەۋەرنى يەتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن ئابىمەلەك ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى كېچىلەپ شەكەم شەھىرىگە يېقىن كېلىپ، تۆت توپقا بۆلۈنۈپ بۆكتۈرمىدە ياتتى. ئەبىدنىڭ ئوغلى گائال شەكەمدىن چىقىپ دەرۋازا ئالدىدا تۇرغاندا، ئابىمەلەك ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى يوشۇرۇنىۋالغان جايدىن چىقتى. گائال ئۇلارنى كۆرۈپ زىبۇلغا: _ قارا! تاغلىرىدىن ئادەملەر چۈشۈۋاتىدۇ، _ دېدى. زىبۇل ئۇنىڭغا: _ ئۇ پەقەت تاغلاردىكى سايىلەر، قارىماققا ئادەمگە ئوخشايدۇ، _ دېدى. بىراق گائال يەنە ئۇنىڭغا: _ ياق! ئادەملار تاغدىن چۈشۈۋاتىدۇ. يەنە بىر توپ ئادەم «پالچىلار دۇب دەرىخى» يولى بىلەن كېلىۋاتىدۇ، _ دېدى. بۇ چاغدا زىبۇل ئۇنىڭغا: _ ماختانچاق ئاغزىڭ قېنى؟ سەن: «ئابىمەلەك دېگەن كىم ئىكەن؟ بىز نېمىشقا ئۇنىڭغا خىزمەت قىلغۇدەكمىز؟» دېگەن ئەمەسمىدىڭ؟ بۇ ئادەملەر سەن زاڭلىق قىلغان ئادەملەر ئەمەسمۇ؟ ئەمدى چىقىپ ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىل! _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن گائال شەكەم ئاقساقاللىرىنى باشلاپ ئابىمەلەك بىلەن ئۇرۇش قىلدى. ئابىمەلەك ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۇلارنى قوغلىدى، گائالنىڭ ئادەملىرى قېچىپ شەھەر دەرۋازىسىغا بارغۇچە نۇرغۇنلىرى قىرىلىپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئابىمەلەك ئارۇماغا قايتىپ، ئۇ يەردە تۇردى. زىبۇل گائال ۋە ئۇنىڭ تۇغقانلىرىنى شەكەمدە تۇرغىلى قويماي، ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىۋەتتى. ئەتىسى شەكەملىكلەر ئېتىزلىققا چىقماقچى بولغاندا، ئابىمەلەك بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، قوشۇنىنى ئۈچ توپقا بۆلۈپ، ئۇلار بىلەن ئېتىزلىقتا بۆكتۈرمىدە ياتتى. ئۇ كىشىلەرنىڭ شەھەردىن چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، لەشكەرلىرى بىلەن يوشۇرۇنغان جايدىن تۇرۇپ، ئۇلارنى قىرىۋەتتى. ئابىمەلەك ۋە ئۇنىڭ توپىدىكىلەر شەھەر دەرۋازىسىغا ھۇجۇم قىلىپ دەرۋازىنى توستى. قالغان ئىككى توپمۇ يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئېتىزلىقتىكى شەكەملىكلەرنى قىرىۋەتتى. شۇ كۈنى ئابىمەلەك پۈتۈن بىر كۈن شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ، شەكەم شەھىرىنى قولغا چۈشۈرۈپ، خەلقنى ئۆلتۈرۈپ، شەھەرنى تۈپتۈز قىلىپ، تۇز چېچىۋەتتى. شەكەم قەلئەسىدە تۇرىدىغان خەلق بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، بائال-بىرىت بۇتخانىسىنىڭ يەر ئاستى ئۆيىگە كىرىۋالدى. ئابىمەلەك ئۇلارنىڭ شۇ يەرگە يىغىلىۋالغانلىقىنى ئاڭلاپ، قوشۇنلىرىنى زالمون تېغىغا ئېلىپ كەلدى. ئۇ پالتا بىلەن بىر دەرەخنىڭ شېخىنى كېسىپ، شاخنى مۈرىسىگە ئېلىپ، لەشكەرلىرىگە: «تېز، مەن قىلغاندەك قىلىڭلار!» دەپ بۇيرۇق بەردى. شۇنىڭ بىلەن لەشكەرلەرمۇ ھەربىرى بىردىن دەرەخ شېخىنى كېسىپ، ئابىمەلەككە ئەگەشتى. ئۇلار دەرەخ شاخلىرىنى بۇتخانا تېمىغا دۆۋىلەپ، ئوت قويۇۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن شەكەم قەلئەسىدە تۇرىدىغان پۈتۈن خەلق، ئەرلەر ۋە ئاياللار بولۇپ مىڭغا يېقىن ئادەم ئۆلدى. ئاندىن كېيىن ئابىمەلەك تىبېز شەھىرىنى قورشاۋغا ئېلىپ، ئۇنى ئىشغال قىلدى. لېكىن شەھەر ئىچىدە بىر مۇستەھكەم قەلئە بار ئىدى. پۈتۈن شەھەردىكى ئەرلەر، ئاياللار ۋە ئاقساقاللار قەلئەگە قېچىپ كىرىپ، دەرۋازىنى تاقاپ، ئۆزلىرىنى قوغداش ئۈچۈن مۇنار ئۈستىگە چىقىۋالدى. ئابىمەلەك قەلئەگە ھۇجۇم قىلدى. قەلئەنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئوت قويۇشقا تەييارلىنىۋاتقاندا، قەلئە ئۈستىدىكى بىر ئايال يارغۇنچاقنىڭ ئۈستۈنكى تېشىنى ئابىمەلەكنىڭ بېشىغا تاشلاپ ئۇنىڭ بېشىنى يېرىۋەتتى. ئابىمەلەك دەرھال ياراغ كۆتۈرگۈچى يىگىتكە: _ قىلىچىڭنى چىقىرىپ، مېنى ئۆلتۈرۈۋەت! «ئابىمەلەك بىر ئايالنىڭ قولىدا ئۆلگەن» دېيىلمىسۇن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يىگىت قىلىچنى ئۇنىڭغا تىقىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئابىمەلەكنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ ئۆيلىرىگە قايتتى. شۇنداق قىلىپ، خۇدا ئابىمەلەكنىڭ ئۆز ئاتىسىغا قىلغان يامانلىقلىرىنى، يەنى 70 قېرىندىشىنى ئۆلتۈرگىنىنى ئۆزىگە قايتۇردى. خۇدا يەنە شەكەملىكلەر قىلغان بارلىق يامانلىقلارنى ئۇلارنىڭ ئۆز بېشىغا چۈشۈردى. يىرۇببائالنىڭ ئوغلى يوتەمنىڭ ئوقۇغان لەنىتى ئەمەلگە ئاشتى. ئابىمەلەك ئۆلگەندىن كېيىن، ئىسساكار قەبىلىسىدىن بولغان پۇئاھنىڭ ئوغلى، دودونىڭ نەۋرىسى تولاھ ئىسرائىل خەلقىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇ ئەفرايىم تاغلىق رايونىنىڭ شامىر دېگەن يېرىدە ياشايتتى. ئۇ ئىسرائىللارغا 23 يىل سەردار بولدى. ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن شامىرغا دەپنە قىلىندى. تولاھ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، گىلئادلىق يائىر ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئىسرائىللارغا 22 يىل سەردار بولدى. يائىرنىڭ 30 ئوغلى بولۇپ، ئۇلار 30 ئېشەككە مېنىپ يۈرەتتى. ئۇلارنىڭ ئىلكىدە 30 شەھەر بار ئىدى. بۇ شەھەرلەر گىلئاد زېمىنىدا بولۇپ، ھازىرمۇ «يائىرنىڭ شەھەرلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ. يائىر ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن قامون شەھىرىگە دەپنە قىلىندى. ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يەنە يامان ئىش قىلدى. ئۇلار بائال ۋە ئاشتورەت دېگەن بۇتلارغا چوقۇندى. شۇنداقلا سۈرىيە، سىدون، موئاب، ئاممون ۋە فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇندى. ئۇلار پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىشتىن ۋاز كېچىپ، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا قەھر-غەزىپى قايناپ تېشىپ، ئۇلارنى فىلىستىيەلىكلەر بىلەن ئاممونلارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. شۇنىڭدىن باشلاپ فىلىستىيەلىكلەر بىلەن ئاممونلار ئىسرائىللارنى ئېزىپ، زۇلۇم قىلىشقا باشلىدى. ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى ئامورلارنىڭ بۇرۇنقى زېمىنى بولغان گىلئاد زېمىنىدا ياشاۋاتقان ئىسرائىللار 18 يىل قاتتىق ئېزىلدى. ئاممونلار ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، يەھۇدا، بىنيامىن ۋە ئەفرايىم قەبىلىسىگە ھۇجۇم قىلدى. ئىسرائىللار قاتتىق مۈشكۈلاتتا قالدى. ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا: _ بىز سەن خۇدايىمىزدىن يۈز ئۆرۈپ، بائالغا چوقۇنۇپ، سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ ئۆتكۈزدۇق، _ دەپ نالە-پەرياد قىلدى. پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا: _ مەن سىلەرنى مىسىرلىقلار، ئامورلار، ئاممونلار ۋە فىلىستىيەلىكلەردىن قۇتقۇزمىغانمۇ؟ سىدونلۇقلار، ئامالەكلەر ۋە مائونلار سىلەرنى ئەزگەن چاغدا، سىلەر ماڭا نالە قىلغىنىڭلاردا، سىلەرنى ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدۇم. ئەمما سىلەر مەندىن يۈز ئۆرۈپ، يالغان ئىلاھلارغا چوقۇندۇڭلار، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەمدى مەن سىلەرنى قۇتقۇزمايمەن. بېرىڭلار، ئۆزۈڭلار تاللىۋالغان ئىلاھلىرىڭلارغا يېلىنىڭلار! مۈشكۈلاتتا قالغىنىڭلاردا ئۇلار سىلەرنى قۇتقۇزسۇن، _ دېدى. ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا يەنە يېلىنىپ: _ بىز گۇناھ ئۆتكۈزدۇق، بىزنى نېمە قىلىشنى خالىساڭ شۇنداق قىلغايسەن، لېكىن بىزنى بۈگۈن قۇتقۇزغايسەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يات ئىلاھلىرىنى تاشلاپ، پەرۋەردىگارغا يەنە خىزمەت قىلدى. پەرۋەردىگار ئاخىرى ئىسرائىللارنىڭ زۇلۇم تارتىشىغا قاراپ تۇرالمىدى. ئاممونلار يېتىپ كېلىپ گىلئاد زېمىنىغا بارگاھ قۇردى. ئىسرائىللارمۇ توپلىشىپ، مىزپاھ شەھىرىگە بارگاھ قۇردى. گىلئادلىق ئاقساقاللار بىر-بىرىگە: _ كىم ئاۋۋال ئاممونلارغا ھۇجۇم قىلسا، ئۇ بىز گىلئادلىقلارنىڭ باشلىقى بولىدۇ، _ دېيىشتى. گىلئادلىق يىفتاھ بىر باتۇر جەڭچى ئىدى. ئۇ گىلئادنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئانىسى پاھىشە ئىدى. گىلئادنىڭ ئۆز ئايالىمۇ ئۇنىڭغا بىرنەچچە ئوغۇل تۇغۇپ بەرگەنىدى. بۇ ئۆگەي ئاكا-ئۇكىلار چوڭ بولغاندىن كېيىن، يىفتاھنى قوغلاپ چىقاردى ۋە ئۇنىڭغا: _ سېنىڭ ئاتىمىزنىڭ ئۆي-زېمىنىغا ۋارىسلىق قىلىشقا ھەققىڭ يوق! چۈنكى سەن دېگەن باشقا ئايالنىڭ بالىسى، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن يىفتاھ قېرىنداشلىرىدىن قېچىپ، توب زېمىنىغا بېرىپ، شۇ يەردە ياشىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ ئەتراپىغا بىر توپ ئۆكتەملەر توپلىشىپ، ئۇنىڭغا ئەگەشتى. بىر مەزگىلدىن كېيىن ئاممونلار ئىسرائىللارغا ھۇجۇم قىلىپ كەلدى. ئاممونلار ھۇجۇم قىلىپ كەلگەندىن كېيىن، گىلئادلىق ئاقساقاللار توب زېمىنىدا ياشاۋاتقان يىفتاھنى چاقىرغىلى ئۇنىڭ ئالدىغا باردى. ئۇلار يىفتاھقا: _ بىز ئاممونلار بىلەن ئۇرۇش قىلماقچى، سەن قايتىپ كېلىپ بىزگە سەركەردە بولغىن، _ دېدى. ئەمما يىفتاھ گىلئادلىق ئاقساقاللارغا: _ مەندىن نەپرەتلەنگەن، مېنى ئاتامنىڭ ئۆيىدىن قوغلاپ چىقارغانلار سىلەر ئەمەسمۇ؟ ئەمدى بېشىڭلارغا كۈن چۈشۈپ مۈشكۈلاتتا قالغاندا، مېنى ئىزدەپ كەپسىلەرغۇ؟ _ دېدى. گىلئادلىق ئاقساقاللار مۇنداق دېدى: _ بولار ئىش بولدى، بىز سېنىڭ ئالدىڭغا بىزگە باش بولۇپ ئاممونلارغا قارشى جەڭ قىلسىكەن، دەپ كەلدۇق. يىفتاھ ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: _ ئەگەر مەن سىلەرگە باش بولۇپ ئاممونلار بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، پەرۋەردىگار ئۇلارنى مېنىڭ قولۇمغا چۈشۈرسە، سىلەر راستتىنلا مېنى ئۆزۈڭلارغا باش قىلامسىلەر؟ _ دېدى. ئۇلار: _ پەرۋەردىگار گۇۋاھ بولسۇنكى، بىز سېنى چوقۇم ئۆزىمىزگە باش قىلىمىز، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن يىفتاھ گىلئادلىق ئاقساقاللار بىلەن بىللە گىلئادقا قايتتى. خەلق ئۇنى ئۆزلىرىگە باش ۋە سەركەردە قىلدى. يىفتاھ مىزپاھ شەھىرىدە گىلئادلىق ئاقساقاللارغا ئېيتقان سۆزلىرىنى پەرۋەردىگار گۇۋاھ بولسۇن دەپ، يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى. ئاندىن كېيىن يىفتاھ ئاممونلارنىڭ پادىشاھىغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭدىن: _ سەن نېمە ئۈچۈن زېمىنىمىزغا ھۇجۇم قىلىپ، بىز بىلەن ئۇرۇشماقچى بولىسەن؟ _ دەپ سورىدى. ئاممونلارنىڭ پادىشاھى يىفتاھنىڭ ئەلچىسىدىن مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: _ ئىسرائىللار مىسىردىن چىقىپ، مېنىڭ ئارنون دەرياسىدىن تارتىپ غەربتە ئىئوردان دەرياسىنىڭ شىمالدىكى ياببوق دەرياسىغىچە بولغان زېمىنىمنى بېسىۋالدى. ھازىر ئۇنى ماڭا تىنچ يول بىلەن قايتۇرۇپ بېرىڭلار. يىفتاھ ئاممونلارنىڭ پادىشاھىغا يەنە ئەلچى ئەۋەتىپ، مۇنداق دېدى: _ يىفتاھ شۇنداق دەيدۇكى: «ئىسرائىللار ھېچقاچان موئابلار ياكى ئاممونلارنىڭ زېمىنىنى بېسىۋالمىدى. ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، قىزىل دېڭىزغىچە بولغان چۆل-باياۋانلارنى كېزىپ، كادېش شەھىرىگە كەلگەن. ئىسرائىللار ئىدوم پادىشاھىغا ئەلچى ئەۋەتىپ: ‹بىزنىڭ سىلەرنىڭ زېمىنىڭلاردىن ئۆتۈشىمىزگە يول قويساڭلار› دېگەن. ئەمما ئىدوم پادىشاھى بۇنىڭغا پەرۋا قىلمىغان. ئۇلار يەنە موئاب پادىشاھىغىمۇ ئەلچى ئەۋەتكەن، ئەمما ئۇمۇ بۇنىڭغا يول قويمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار كادېشتا ياشاپ قالغان. ئۇلار چۆل-باياۋانلارنى كېزىپ، ئىدوم زېمىنى بىلەن موئاب زېمىنىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، موئاب زېمىنىنىڭ شەرقىگە يېتىپ كېلىپ، ئارنون دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدا بارگاھ قۇرغان. بىراق ئۇلار موئابلارنىڭ تەۋەلىكىگە كىرمىگەن، چۈنكى ئارنون دەرياسى بولسا موئابلارنىڭ چېگراسى ئىدى. ئىسرائىللار ئامورلارنىڭ خەشبون شەھىرىدىكى پادىشاھى سىخونغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا: ‹بىزنىڭ سىلەرنىڭ زېمىنىڭلاردىن ئۆتۈپ ماكانىمىزغا بېرىۋېلىشىمىزغا يول قويساڭلار› دېگەن. ئەمما پادىشاھ سىخون ئىسرائىللارنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدىن ئۆتۈۋېلىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىگە ئىشەنمىگەن. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۆز ئادەملىرىنى يىغىپ، ياھاز شەھىرىدە بارگاھ قۇرۇپ، ئىسرائىللارغا ھۇجۇم قىلغان. ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدا، پادىشاھ سىخون بىلەن ئۇنىڭ ئادەملىرىنى ئىسرائىللارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ، شۇ يەردە ياشاپ كەلگەن ئامورلارنىڭ بارلىق زېمىنىغا ئىگە بولغان. ئۇلار ئامورلارنىڭ ئارنون دەرياسىدىن تارتىپ ياببوق دەرياسىغىچە ۋە چۆل-باياۋاندىن تارتىپ ئىئوردان دەرياسىغىچە بولغان پۈتكۈل زېمىنىنى ئۆز قولىغا ئالغان. ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدا ئامورلارنى ئۆز زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇ زېمىننى ئۆز خەلقى بولغان ئىسرائىللارغا بەرگەن تۇرسا، سىلەر بۇ زېمىنغا ئىگە بولالامتىڭلار؟ ئۆز ئىلاھىڭلار بولغان كىموش سىلەرگە بەرگەن زېمىنغا ئىگە بولمامسىلەر؟ ئوخشاشلا، بىزمۇ خۇدايىمىز بولغان پەرۋەردىگار كۆز ئالدىمىزدا ھەيدەپ چىقىرىۋەتكەنلەرنىڭ بارلىق زېمىنىغا ئىگە بولىمىز! سىلەر موئابلارنىڭ پادىشاھى زىپپورنىڭ ئوغلى بالاقدىنمۇ كۈچلۈكمۇ؟ ئۇ ئىسرائىللارغا قارشى تۇرۇپ، ئۇلار بىلەن زېمىن تالىشىپ ئۇرۇش قىلىپ باققانمىدى؟ ئىسرائىللار خەشبون شەھىرى، ئارئور شەھىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارنى، ئارنون دەرياسى ۋادىسىدىكى بارلىق شەھەرلەرنى 300 يىل ئىگىلەپ ياتتى. شۇ مەزگىلدە سىلەر نېمە ئۈچۈن ئۇ زېمىنلارنى ئىسرائىللاردىن قايتۇرىۋالمىدىڭلار؟ مەن سىلەرگە قارشى ھېچقانداق خاتا ئىش قىلمىدىم، ئەمما سىلەر ماڭا قارشى ئۇرۇش قىلماقچى بولۇپ، ناتوغرا ئىش قىلىۋاتىسىلەر. بۈگۈن ئاممونلار بىلەن ئىسرائىللار ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ئىشقا ئالەمنىڭ ھۆكۈمدارى پەرۋەردىگار ئۆزى ھۆكۈم چىقارسۇن». ئەمما ئاممونلارنىڭ پادىشاھى يىفتاھ ئەۋەتكەن ئەلچىلەرنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالمىدى. پەرۋەردىگارنىڭ روھى يىفتاھنىڭ ۋۇجۇدىغا چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ گىلئاد ۋە ماناسسە زېمىنىدىن ئۆتۈپ، يەنە گىلئاد زېمىنىدىكى مىزپاھ شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ، شۇ يەردىن ئاممونلارغا ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئۇ پەرۋەردىگارغا قەسەم قىلىپ: _ ئاممونلارنى مېنىڭ قولۇمغا چۈشۈرۈپ بەرسەڭ، مەن غەلىبە قىلىپ قايتىپ كەلگەندە، ئۆيۈمدىن چىققان تۇنجى تىرىك جاننى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىمەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن يىفتاھ ئىسرائىللارنى باشلاپ ئاممونلار بىلەن ئۇرۇش قىلدى. پەرۋەردىگار ئاممونلارنى ئۇنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. ئۇ ئارئور شەھىرىدىن مىننىت شەھىرىنىڭ ئەتراپىغىچە ۋە ئابېل-كىرامىم شەھىرىگىچە بولغان 20 شەھەرنى ۋەيران قىلىۋەتتى. شۇنداق قىلىپ ئىسرائىللار ئاممونلارنى مەغلۇپ قىلدى. يىفتاھ مىزپاھ شەھىرىدىكى ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭ ئالدىغا قىزى داپ چېلىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ئۇنى كۈتۈۋالغىلى چىقتى. ئۇ يىفتاھنىڭ بىردىنبىر بالىسى بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئوغلى ياكى قىزى يوق ئىدى. يىفتاھ قىزىنى كۆرۈپلا، كىيىملىرىنى يىرتىپ نالە قىلىپ: _ ۋاي قىزىم! سەن مېنى ئېچىنىشلىق قايغۇ-ئەلەمگە مۇپتىلا قىلدىڭ! مەن پەرۋەردىگارغا قەسەم قىلغانىدىم، قەسىمىمدىن يانالمايمەن، _ دېدى. قىزى ئۇنىڭغا: _ ئەي ئاتا، سەن پەرۋەردىگارغا ۋەدە قىلغان ئىكەنسەن، مېنى شۇ بويىچە بىر تەرەپ قىلغىن. چۈنكى پەرۋەردىگار سېنىڭ دۈشمىنىڭ بولغان ئاممونلاردىن ئۆچۈڭنى ئېلىپ بەردى. ئەمما مېنىڭ بىر تەلىپىمگە ماقۇل بولغىن. ماڭا ئىككى ئاي ۋاقىت بەرگىن، ئۆلۈش ئالدىدا تۇرغان يۈزى ئېچىلمىغان قىز بولغانلىقىم ئۈچۈن ھەمراھلىرىم بىلەن بىللە تاغقا چىقىپ ئاھ ئۇرۇپ يىغلاپ كېلەي، _ دېدى. دادىسى: «بوپتۇ، بارغىن» دەپ، ئۇنىڭغا ئىككى ئايلىق رۇخسەت بېرىپ يولغا سالدى. قىز ھەمراھلىرى بىلەن بىللە تاغقا چىقىپ، ئۆزىنىڭ يۈزى ئېچىلمىغان قىز پېتى ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىغا ئاھ ئۇرۇپ يىغلىدى. ئىككى ئايدىن كېيىن ئۇ ئاتىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى. يىفتاھ قىزىنى ۋەدىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلدى. يىفتاھنىڭ قىزى ھېچقانداق ئەر زاتىغا يېقىنلاشمىغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىللاردا مۇنداق بىر ئادەت شەكىللەندى: ھەر يىلى ئىسرائىللارنىڭ قىزلىرى گىلئادلىق يىفتاھنىڭ قىزىنى ئەسلەپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن تۆت كۈن ماتەم تۇتىدىغان بولدى. ئەفرايىم قەبىلىسى قوشۇن توپلاپ، ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، زافون شەھىرىگە كەلدى. ئۇلار يىفتاھقا: _ سەن نېمە ئۈچۈن ئاممونلار بىلەن ئۇرۇش قىلغان چاغدا بىزنى چاقىرىۋالمىدىڭ؟ بىز ئۆيۈڭنى سەن بىلەن قوشۇپ كۆيدۈرۈۋېتىمىز! _ دېدى. يىفتاھ جاۋابەن مۇنداق دېدى: _ مەن خەلقىم بىلەن بىرلىكتە ئاممونلار بىلەن قاتتىق ئۇرۇش قىلغاندا سىلەرنى شۇنچە چاقىرساممۇ، لېكىن سىلەر بىزنى ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇۋالمىدىڭلار. سىلەرنىڭ ياردەمگە كەلمەيدىغانلىقىڭلارنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، مەن جان تىكىپ ئۇلار بىلەن جەڭ قىلدىم. پەرۋەردىگار ئۇلارنى مېنىڭ قولۇمغا چۈشۈرۈپ بەردى. ئەمدى سىلەر نېمىشقا بۈگۈن مەن بىلەن جەڭ قىلماقچى بولىسىلەر؟ ئەفرايىم قەبىلىسىدىكىلەر مۇنداق دېيىشتى: _ سىلەر گىلئادلىقلار پەقەت ئەفرايىم بىلەن ماناسسە زېمىنلىرىدا ياشاۋاتقان ئەفرايىملىق قاچقۇنسىلەر! شۇنىڭ بىلەن يىفتاھ بارلىق گىلئادلىقلارنى يىغىپ، ئەفرايىم قوشۇنىغا قارشى ئاتلاندى ۋە ئۇرۇش قىلىپ ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى. گىلئادلىقلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكىنى ئىشغال قىلىۋېلىپ، ئەفرايىم قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆز زېمىنىغا قايتىشىدا دەريادىن ھېچكىمنى ئۆتكۈزمىدى. ھەرقانداق بىرسى كېچىكتىن ئۆتمەكچى بولسا، گىلئادلىقلار ئۇنىڭدىن: «سەن ئەفرايىم قەبىلىسىدىنمۇ؟» دەپ سورايتتى. ئەگەر ئۇ كىشى «ياق، ئەمەس» دەپ جاۋاب بەرسە، گىلئادلىقلار يەنە: «ئۇنداقتا ‹شىببولەت› دەپ باق» دەيتتى. ئەگەر ئۇ كىشى ئەفرايىم قەبىلىسىدىن بولسا «سىببولەت» دەپ تەلەپپۇز قىلاتتى. چۈنكى ئەفرايىملار بۇ سۆزنى توغرا تەلەپپۇز قىلالمايتتى. شۇنىڭ بىلەن گىلئادلىقلار ئۇنى تۇتۇپ، ئىئوردان دەرياسى كېچىكىدە ئۆلتۈرۈۋېتەتتى. شۇنداق قىلىپ ئەفرايىم قەبىلىسىدىن 42 مىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈلدى. يىفتاھ ئىسرائىل خەلقىگە ئالتە يىل سەردار بولدى. ئۇ ۋاپات بولغان چاغدا، گىلئاد زېمىنىدىكى شەھەرلەرنىڭ بىرىگە دەپنە قىلىندى. يىفتاھ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بەيتلەھەملىك بولغان ئىبزان ئىسرائىل خەلقىگە سەردار بولدى. ئۇنىڭ 30 ئوغلى، 30 قىزى بار ئىدى. ئۇنىڭ قىزلىرى باشقا جەمەتلەرگە ياتلىق بولۇپ كەتتى. ئوغۇللىرىغا باشقا جەمەتلەردىن قىز ئېلىپ بەردى. ئىبزان ئىسرائىللارغا يەتتە يىل سەردار بولدى. ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، بەيتلەھەمگە دەپنە قىلىندى. ئىبزاندىن كېيىن زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن بولغان ئېلون ئىسرائىللارغا ئون يىل سەردار بولدى. ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، زەبۇلۇن زېمىنىدىكى ئاييالون شەھىرىگە دەپنە قىلىندى. ئېلوندىن كېيىن، پىراتون شەھىرىلىك ھىللېلنىڭ ئوغلى ئابدون ئىسرائىللارغا سەردار بولدى. ئۇنىڭ 40 ئوغلى، 30 ئوغۇل نەۋرىسى بار ئىدى، ئۇلار 70 ئېشەككە مىنىپ يۈرۈشەتتى. ئۇ ئىسرائىللارغا سەككىز يىل سەردار بولدى. ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئەفرايىم زېمىنىدىكى ئامالەكلەرنىڭ تاغلىق رايونىغا جايلاشقان پىراتون شەھىرىگە دەپنە قىلىندى. ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يەنە يامان ئىش قىلدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى 40 يىلغىچە فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. شۇ چاغدا زورئاھ شەھىرىدە دان قەبىلىسىدىن بولغان مانوۋاھ ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئايالى تۇغماس بولۇپ، پەرزەنتى يوق ئىدى. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭ ئايالىغا كۆرۈنۈپ، مۇنداق دېدى: _ قارا، سەن ھازىرغىچە پەرزەنت يۈزى كۆرەلمىگەنىدىڭ، ئەمما كۆپ ئۆتمەي ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغىسەن. بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلغىن، ھاراق-شاراب ئىچمىگىن. پاك بولمىغان نەرسىلەرنى يېمىگىن. گېپىمنى ئاڭلا، سەن چوقۇم ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغىسەن. ئۇ بېشىغا ئۇستىرا تەگكۈزمىسۇن، بۇ ئوغۇل قورساقتىكى ۋاقتىدىن باشلاپلا پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە ئاتالغان بولۇپ، ئۇ ئىسرائىللارنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇشنى باشلىغۇچىدۇر. ئايال ئېرىنىڭ يېنىغا كېلىپ: _ خۇدانىڭ ئەۋەتكەن ئادىمى يېنىمغا كەلدى، ئۇنىڭ تۇرقى پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىگە ئوخشايدىكەن، بەكمۇ سالاپەتلىك ئىكەن. مەن ئۇنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى سورىمىدىم، ئۇمۇ ماڭا ئۆز ئىسمىنى ئېيتىپ بەرمىدى. ئەمما ئۇ ماڭا: «سەن چوقۇم ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغىسەن. ھاراق-شاراب ئىچمىگىن. پاك بولمىغان نەرسىلەرنى يېمىگىن. بۇ ئوغۇل قورساقتىكى ۋاقتىدىن باشلاپ ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە ئاتالغان بولىدۇ.» دېدى، _ دېدى. مانوۋاھ پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ: _ ئەي ئىگەم، سەن ئەۋەتكەن شۇ ئادەمنى يەنە بىر قېتىم ئەۋەتكەيسەن. بىزگە تۇغۇلىدىغان بالا توغرىسىدا قانداق قىلىشىمىزدىن تەلىم بەرسۇن، _ دېدى. خۇدا مانوۋاھنىڭ ئىلتىجاسىنى ئاڭلىدى. ئۇنىڭ ئايالى ئېتىزدا ئارام ئېلىپ ئولتۇرغىنىدا خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭ يېنىغا يەنە كەلدى. بۇ چاغدا مانوۋاھ ئۇنىڭ يېنىدا ئەمەس ئىدى. ئايالى ئالدىراپ ئېرىنىڭ يېنىغا كېلىپ: _ ئالدىنقى كۈنى ماڭا كۆرۈنگەن ئادەم يەنە كەلدى، _ دېدى. مانوۋاھ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئايالىغا ئەگىشىپ ئۇ ئادەمنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە ئۇنىڭدىن: _ ئالدىنقى قېتىم ئايالىمغا گەپ قىلغان سىزمۇ؟ _ دەپ سورىدى. ئۇ ئادەم: «شۇنداق، مەن» دەپ جاۋاب بەردى. مانوۋاھ ئۇنىڭدىن يەنە: _ سىزنىڭ سۆزلىرىڭىز ئەمەلگە ئاشقاندىن كېيىن، بالا قانداق تەربىيىلىنىشى كېرەك؟ ئۇنىڭ ۋەزىپىسى نېمە؟ _ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى مانوۋاھقا: _ ئايالىڭ مېنىڭ ئېيتقانلىرىمنى ئېسىدە چىڭ ساقلىسۇن. ئۇ ئۈزۈمدىن ئىشلەنگەن ھەرقانداق نەرسىنى يېمىسۇن، ھاراق-شاراب ئىچمىسۇن، پاك بولمىغان نەرسىلەرنى يېمىسۇن. ئۇ مېنىڭ بۇيرۇقلىرىمغا چوقۇم ئەمەل قىلسۇن، _ دېدى. مانوۋاھ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىگە: _ سىزگە ئاتاپ بىر ئوغلاق سوياي، پىشقۇچە بىردەم ئولتۇرۇپ تۇرغايسىز، _ دېدى. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى مانوۋاھقا: _ بىردەم ئولتۇرۇپ تۇرغىنىم بىلەنمۇ بەرىبىر، يېمەكلىكىڭنى يېمەيمەن. ئەمما سەن بىر كۆيدۈرمە قۇربانلىق تەييارلاپ، ئۇنى پەرۋەردىگارغا تەقدىم قىلغىن، _ دېدى (بۇ ۋاقىتتا مانوۋاھ ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى). مانوۋاھ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىگە: _ ئىسمىڭىزنى ماڭا ئېيتىپ بەرگەيسىز، دېگەنلىرىڭىز ئەمەلگە ئاشقاندا نام-شەرىپىڭىزنى ئۇلۇغلايمىز، _ دېدى. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى مانوۋاھقا: _ ئىسمىمنى سوراپ نېمە قىلىسەن؟ ئىسمىمنى چۈشىنىشكە سېنىڭ ئەقلىڭ يەتمەيدۇ، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن مانوۋاھ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئوغلاق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسىنى قۇربانلىق سۇپىسى ئورنىدا ئىشلىتىلگەن بىر قورام تاش ئۈستىگە قويۇپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى. پەرۋەردىگار مانوۋاھ بىلەن ئۇنىڭ ئايالىنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆز مۆجىزىسىنى كۆرسەتتى. قورام تاشتىن ئوت ئاسمانغا قاراپ لاۋۇلدىغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يالقۇن ئىچىدە ئۇچقاندەك ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. بۇنى كۆرۈپ مانوۋاھ بىلەن ئۇنىڭ ئايالى يەرگە يۈكۈنۈپ سەجدە قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى مانوۋاھ بىلەن ئۇنىڭ ئايالىغا قايتا كۆرۈنمىدى. بۇ ئىشلارنى كۆرگەن مانوۋاھ ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئايالىغا: _ بىز ئۆلىدىغان بولدۇق، چۈنكى بىز خۇدانى كۆردۇق، _ دېدى. ئەمما ئايالى ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگارنىڭ بىزنى ئۆلتۈرگۈسى بولسا، بىزنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقىمىز ۋە ئاشلىق ھەدىيەيىمىزنى قوبۇل قىلمىغان، بىزگە بۇ كارامەتلەرنى كۆرسەتمىگەن ۋە بۇ ئاجايىپ ئىشلاردىن خەۋەر بەرمىگەن بولاتتى، _ دېدى. كېيىن مانوۋاھنىڭ ئايالى بىر ئوغۇل تۇغدى ھەمدە ئۇنىڭغا شىمشون دەپ ئىسىم قويدى. بۇ ئوغۇل چوڭ بولغاندا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بەخت ئاتا قىلدى. شىمشون زورئاھ ۋە ئەشتائول شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دان قارارگاھىدا تۇرغاندا، پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنى يېتەكلەشكە باشلىدى. شىمشون تىمناھ شەھىرىگە بېرىپ، بۇ شەھەردە فىلىستىيەلىك بىر قىزنى كۆرۈپ قالدى. ئۇ قايتىپ كېلىپ ئاتا-ئانىسىغا: _ تىمناھ شەھىرىدە فىلىستىيەلىك بىر قىزغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. ئۇنىڭ بىلەن توي قىلاي دەيمەن، ئۇنى ماڭا ئېلىپ بېرىڭلار، _ دېدى. ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا: _ تۇغقانلار ياكى ئۆز خەلقىمىز ئارىسىدا قىزلار قالمىدىمۇ؟ ئاشۇ خەتنىسىز فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قىزىنى ئالماقچىمۇ سەن؟ _ دېدى. ئەمما شىمشون ئاتىسىغا: _ ئۇ قىزنى ماڭا ئېلىپ بېرىسەن! ئۇ قىز ماڭا يېقىپ قالدى، _ دېدى. شىمشوننىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ ئىشنىڭ پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بولۇۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى. چۈنكى پەرۋەردىگار فىلىستىيەلىكلەرگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىۋاتاتتى. شۇ چاغلاردا فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتاتتى. كېيىن شىمشون ئاتا-ئانىسى بىلەن تىمناھ شەھىرىگە كېلىپ، ئۇ يەردىكى بىر ئۈزۈمزارلىققا باردى. ئۇ يەردە تۇيۇقسىز بىر ياش شىر ھۆركىرىگىنىچە شىمشونغا ئېتىلىپ كەلدى. پەرۋەردىگارنىڭ روھى شىمشونغا كۈچ-قۇدرەتتە چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن شىمشون قولى بىلەن شىرنى ئوغلاقنى پارچىلىغاندەك پارچىلاپ تاشلىدى. ئەمما ئۇ بۇ ئىشنى ئاتا-ئانىسىغا تىنمىدى. كېيىن شىمشون ھېلىقى قىزنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۆزىنىڭ ئۇنى ياقتۇرۇپ قالغانلىقىنى ئېيىتتى. كۆپ ئۆتمەي شىمشون قىزنى ئەمرىگە ئېلىش ئۈچۈن ئۇ يەرگە يەنە باردى. ئۇ كېتىپ بېرىپ، بىر چەتتە ياتقان ھېلىقى شىرنىڭ ئۆلۈكىنى كۆردى. بىر توپ ھەسەل ھەرىسى ئۇ شىرنىڭ تېنىگە ئولىشىۋالغان بولۇپ، تېنىدا ھەسەل تۇراتتى. ئۇ ھەسەلدىن قولىغا ئازراق ئېلىپ، يولدا يېگەچ ماڭدى ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلارغىمۇ بەردى. ئاتا-ئانىسىمۇ ئۇ بەرگەن ھەسەلنى يېدى. ئەمما ئۇ بۇ ھەسەللەرنى ئۆزى ئۆلتۈرگەن شىرنىڭ تېنىدىن ئالغانلىقىنى ئۇلارغا ئېيتمىدى. شىمشوننىڭ ئاتىسى بېرىپ قىز تەرەپ بىلەن كۆرۈشتى. شىمشون شۇ يەردىكى يىگىتلەرنىڭ ئادىتى بويىچە تويغا تەييارلىق قىلدى. تويدا كۆپچىلىك شىمشون بىلەن كۆرۈشۈپ، 30 يىگىتنى ئۇنىڭغا تويدا ھەمراھ بولۇشقا قوشۇپ قويدى. شىمشون ئۇلارغا: _ مەن سىلەردىن بىر تېپىشماق سوراي. توي بولىدىغان يەتتە كۈن ئىچىدە سىلەر بۇ تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى تاپالىساڭلار، مەن سىلەرگە ئېسىل كەندىر رەختتىن تىكىلگەن 30 قۇر ئىچ كىيىم ۋە 30 قۇر تون بېرىمەن. ئەگەر تاپالمىساڭلار، ئۇ چاغدا سىلەر ماڭا ئېسىل كەندىر رەختتىن تىكىلگەن 30 قۇر ئىچ كىيىم بىلەن 30 قۇر تون بېرىسىلەر، _ دېدى. ئۇلار: _ قېنى ئەمىسە تېپىشمىقىڭنى ئېيتقىن، ئاڭلاپ باقايلى، _ دېيىشتى. شىمشون ئۇلارغا مۇنداق دېدى: يېمەكلىك چىقار يېگۈچىدىن، تاتلىق چىقار كۈچلۈكتىن. ئۇلار ئۈچ كۈنگىچە ئويلىنىپ، تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى تاپالمىدى. تۆتىنچى كۈنىگە كەلگەندە، ئۇلار شىمشوننىڭ ئايالىغا: _ سەن ئېرىڭنى ئالداپ-سالداپ، بىزگە تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى ئۇقۇپ بەر! ئۇنداق قىلمىساڭ سېنى ئاتاڭنىڭ ئۆيى بىلەن قوشۇپ كۆيدۈرۈۋېتىمىز. ئەجەبا سىلەر بىزنى مال-مۈلكىمىزدىن ئايرىلىپ قېلىشىمىز ئۈچۈن بۇ يەرگە چاقىرغانمۇ؟! _ دېيىشتى. شىمشوننىڭ ئايالى ئېرىغا يىغلاپ تۇرۇپ: _ سىز مېنى ئۆچ كۆرىدىكەنسىز! ياخشى كۆرمەيدىكەنسىز! بىزنىڭ ئادەملىرىمىزگە بىر تېپىشماق ئېيتىپسىز، ئەمما تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى ماڭا ئېيتىپ بەرمىدىڭىز، _ دېدى. شىمشون ئۇنىڭغا: _ مەن ھەتتا ئاتا-ئانامغىمۇ ئېيتىپ بەرمىگەن تۇرسام، ساڭا ئېيتىپ بېرەتتىممۇ؟ _ دېدى. ئۇ توي ئاخىرلاشقۇچە ئېرىنىڭ ئالدىدا يىغلاپ يۈردى. يەتتىنچى كۈنىگە كەلگەندە ئايالى بەك غەلۋە قىلىپ كەتكەنلىكتىن، ئاخىرى ئۇنىڭغا جاۋابىنى ئېيتىپ بەردى. ئايالى بولسا بۇ جاۋابنى ئۆزى تەرەپنىڭ ئادەملىرىگە ئېيتىپ بەردى. يەتتىنچى كۈنى كۈن پېتىشتىن بۇرۇن، شەھەردىكىلەر شىمشونغا مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىشتى: ھەسەلدىن تاتلىق نېمە بار؟ شىردىن كۈچلۈك نېمە بار؟ شىمشون ئۇلارغا: _ ئەگەر سىلەر مېنىڭ ئىنىكىم بىلەن يەر ئاغدۇرمىغان بولساڭلار، تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى تاپالمىغان بولاتتىڭلار، _ دېدى. پەرۋەردىگارنىڭ روھى شىمشونغا كۈچ-قۇدرەتتە چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاشقىلونغا بېرىپ، 30 ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھەممە نەرسىلىرىنى ئولجا ئېلىپ، كىيىملىرىنى تېپىشماقنى تاپقانلارغا بەردى. ئاندىن شىمشون دەرغەزەپ بولۇپ ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ قىزنىڭ ئاتىسى قىزىنى شىمشوننىڭ قولدىشىغا بەردى. بىر مەزگىلدىن كېيىن بۇغداي ئورۇش پەسلى كەلگەندە، شىمشون ئوغلاقتىن بىرنى ئېلىپ ئايالىنى يوقلاپ كەلدى. شىمشون: _ مەن ئايالىمنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىمەن، _ دېدى. بىراق قېيىنئاتىسى ئۇنى كىرگۈزمىدى. قېيىنئاتىسى ئۇنىڭغا: _ مەن تېخى، سېنى ئۇنىڭغا بەك ئۆچ بولۇپ كەتتى دەپ ئويلاپ، ئۇنى سېنىڭ قولدىشىڭغا بېرىۋەتكەن. ئۇنىڭ سىڭلىسى ئۇنىڭدىنمۇ چىرايلىق، ئايالىڭنىڭ ئورنىغا سىڭلىسىنى ئالغىن، _ دېدى. شىمشون ئۇلارغا: _ بۇ قېتىم مەن فىلىستىيەلىكلەرگە زىيان يەتكۈزسەم مەندىن كۆرمەڭلار، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن شىمشون بېرىپ ئۈچ يۈز تۈلكە تۇتۇپ كەلدى. ئۇ مەشئەل تەييارلاپ، تۈلكىلەرنى جۈپ-جۈپ قىلىپ قۇيرۇقلىرىنى بىر-بىرىگە چېتىپ، چېتىلغان جايلارغا بىردىن مەشئەل قىستۇردى. ئۇ مەشئەلگە ئوت تۇتاشتۇرۇپ، تۈلكىلەرنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ئېتىزلىقىدىكى بۇغدايلىققا قويۇۋەتتى. شۇنداق قىلىپ ئورۇلۇپ بولغان ۋە تېخى ئورۇلۇپ بولمىغان بۇغدايلارغا ئوت كەتتى. يەنە ئۇلارنىڭ ئۈزۈمزارلىق ۋە زەيتۇنلۇق باغلىرىمۇ كۆيۈپ كەتتى. فىلىستىيەلىكلەر: _ بۇنى كىم قىلدى؟ _ دەپ سوراشتى. _ بۇنى تىمناھلىقلارنىڭ كۈيۈ ئوغلى شىمشون قىلدى. چۈنكى قېيىنئاتىسى قىزىنى شىمشوننىڭ قولدىشىغا بېرىۋەتكەنىكەن، _ دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن فىلىستىيەلىكلەر قوزغىلىپ، شىمشوننىڭ ئايالى ۋە قېيىنئاتىسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى. شىمشون فىلىستىيەلىكلەرگە: _ مەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇ قىلغىنىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن چوقۇم قىساس ئالمىغۇچە بولدى قىلمايمەن، _ دېدى. شىمشون ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى قاتتىق يارىلاندۇردى ۋە مەغلۇپ قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن شىمشون ئېتام دېگەن بىر قىيا تاشلىقتىكى ئۆڭكۈرگە كىرىپ شۇ يەردە ياشاشقا باشلىدى. فىلىستىيەلىكلەر يەھۇدا زېمىنىغا كېلىپ بارگاھ قۇردى ۋە لەخى دېگەن جايغا تارقالدى. يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر: _ سىلەر نېمە ئۈچۈن بىزگە ھۇجۇم قىلىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى. ئۇلار: _ بىز شىمشوننى باغلاپ ئېلىپ كېتىمىز، ئۇ بىزگە قانداق قىلغان بولسا، بىزمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىمىز، _ دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئۈچ مىڭ ئادەم ئېتام دېگەن قىيا تاشلىقتىكى ئۆڭكۈرگە كېلىپ، شىمشونغا مۇنداق دېدى: _ فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەمسەن؟ سەن نېمە ئۈچۈن بىزگە ئىش تېپىپ بېرىسەن؟ شىمشون ئۇلارغا: _ ئۇلار ماڭا قانداق قىلغان بولسا، مەنمۇ ئۇلارغا شۇنداق قىلدىم، _ دېدى. يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭغا: _ بىز سېنى باغلاپ فىلىستىيەلىكلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن كەلدۇق، _ دېدى. شىمشون ئۇلارغا: _ سىلەر مېنى ئۆلتۈرمەسلىككە قەسەم قىلىڭلار، _ دېدى. ئۇلار: _ ماقۇل، بىز پەقەت سېنى باغلاپ فىلىستىيەلىكلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىمىز، سېنى ھەرگىز ئۆلتۈرمەيمىز، _ دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككى يېڭى ئارغامچا بىلەن شىمشوننى باغلاپ، ئۆڭكۈردىن ئېلىپ چىقتى. شىمشون لەخى دېگەن جايغا ئېلىپ كېلىندى. فىلىستىيەلىكلەر چۇقان-سۈرەن سېلىشىپ تەنتەنە قىلىشتى. پەرۋەردىگارنىڭ روھى شىمشونغا كۈچ-قۇدرەتتە چۈشۈپ، ئۇنىڭ مۈرە-بىلەكلىرىگە باغلانغان ئارغامچىلار خۇددى ئوتقا چۈشكەن كەندىردەك ئۈزۈلۈپ كەتتى. ئۇ، يەردىن ئۆلگىلى ئۇزۇن بولمىغان ئېشەكنىڭ جاغ سۆڭىكىنى ئېلىپ، فىلىستىيەلىكلەردىن بىر مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى. شىمشون شۇنداق دېدى: «ئېشەكنىڭ جاغ سۆڭىكىدە ئۆلتۈرۈلگەنلەر دۆۋىلىنىپ كەتتى. ئېشەكنىڭ جاغ سۆڭىكى بىلەن قولۇمدا ئۆلگەنلەر مىڭغا يەتتى.» ئۇ سۆزىنى تۈگىتىپ قولىدىكى سۆڭەكنى تاشلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ جاي رامات-لەخى دەپ ئاتالدى. شىمشون بەك ئۇسساپ كېتىپ، پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ مۇنداق دېدى: _ سەن خىزمەتكارىڭ ئارقىلىق شۇنداق ئۇلۇغ قۇتقۇزۇشنى باشلىغان ئىكەنسەن، مېنىڭ ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلۈپ، تېنىمنىڭ خەتنىسىزلەرنىڭ قولىدا قېلىشىنى خالامسەن؟ خۇدا لەخى دېگەن جايدا يەرنى يېرىپ، سۇ چىقاردى. بۇلاقتىن سۇ ئېتىلىپ چىقتى. شىمشون سۇنى ئىچىپ كۈچ-قۇۋۋىتى ئەسلىگە كەلدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ بۇلاقنىڭ ئىسمى ئېن-ھاققورە دەپ ئاتالدى. بۇ بۇلاق لەخى دېگەن جايدا ھازىرمۇ بار. فىلىستىيەلىكلەر ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان دەۋردە، شىمشون ئىسرائىل خەلقىگە يىگىرمە يىل سەردار بولدى. بىر كۈنى شىمشون فىلىستىيەدىكى گازاغا بېرىپ، ئۇ يەردە بىر پاھىشە ئايال بىلەن بىللە بولدى. گازالىقلار شىمشوننىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، شەھەرنى قورشاۋغا ئېلىپ، كېچىچە شەھەر دەرۋازىسىدا شىمشوننى ساقلاپ تىۋىش چىقارماي، بۆكتۈرمىدە ياتتى. ئۇلار كېچىچە كۈتۈپ، «تاڭ ئېتىشى بىلەنلا شىمشوننى ئۆلتۈرۈۋېتىمىز» دېيىشتى. لېكىن شىمشون يېرىم كېچە بولغاندا ئورنىدىن تۇرۇپ، شەھەر دەرۋازىسىنىڭ قاناتلىرىنى كېشىكى بىلەنلا قومۇرۇپ، تاقاقلىرى بىلەن قوشۇپ مۈرىسىگە ئېلىپ، ھىبرون شەھىرىنىڭ ئالدىدىكى تۆپىلىكنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ چىقىپ كەتتى. كېيىن، شىمشون سورېق جىلغىسىدا ياشايدىغان دىلەيلا ئىسىملىك بىر ئايالغا ئاشىق بولۇپ قالدى. فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرى ئۇ ئايالنىڭ ئالدىغا بېرىپ: _ سەن ئۇنى ئالداپ، ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ سىرىنى ۋە بىزنىڭ ئۇنى قانداق قىلىپ باغلاپ بويسۇندۇرالايدىغانلىقىمىزنى بىلىپ بەرگىن. شۇنداق قىلساڭ ھەربىرىمىز ساڭا 1100 كۈمۈش تەڭگە بېرىمىز، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن دىلەيلا شىمشوندىن: _ سىزنىڭ شۇنداق كۈچلۈك بولۇشىڭىزنىڭ سىرىنى ۋە قانداق قىلغاندا سىزنى باغلاپ بويسۇندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ماڭا دەپ بېرىڭ، _ دېدى. شىمشون ئۇنىڭغا: _ ئەگەر كىشىلەر يەتتە تال تېخى قۇرۇمىغان يېڭى ئوقيا كىرىچى بىلەن مېنى باغلىسا، مەن ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشاش ئاجىز بولۇپ قالىمەن، _ دېدى. فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرى دىلەيلاغا يەتتە تال تېخى قۇرۇمىغان يېڭى ئوقيانىڭ كىرىچىنى ئەكېلىپ بەردى. ئۇ ئايال بۇ ئوقيا كىرىچى بىلەن شىمشوننى باغلىدى. بۇ چاغدا ئادەملەر ئۇنىڭ ھۇجرىسىدا يوشۇرۇنۇپ كۈتۈپ تۇرغانىدى، دىلەيلا شىمشونغا قاراپ: _ شىمشون! فىلىستىيەلىكلەر كەلدى! _ دەپ توۋلىدى. شىمشون شۇ ھامان ئوقيا كىرىچىنى خۇددى ئوتقا چۈشكەن كەندىر يىپىدەك ئۈزۈپ تاشلىدى. شۇنداق قىلىپ شىمشوننىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ سىرىنى ھېچكىم بىلەلمىدى. دىلەيلا ئۇنىڭغا: _ سىز مېنى ئەخمەق قىلىپ، يالغان سۆزلەپسىز. ماڭا سىزنى قانداق قىلغاندا باغلىغىلى بولىدىغانلىقىنى دەپ بېرىڭ، _ دېدى. شىمشون ئۇنىڭغا: _ ئەگەر كىشىلەر تېخى ئىشلىتىلمىگەن يېڭى ئارغامچا بىلەن مېنى قاتتىق باغلىسا، مەن ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشاش ئاجىز بولۇپ قالىمەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن دىلەيلا تېخى ئىشلىتىلمىگەن يېڭى ئارغامچا ئەكېلىپ شىمشوننى باغلاپ، ئۇنىڭغا: _ شىمشون! فىلىستىيەلىكلەر كەلدى! _ دەپ توۋلىدى. بۇ چاغدا فىلىستىيەلىكلەر ئۇنىڭ ھۇجرىسىدا يوشۇرۇنۇپ كۈتۈپ تۇرۇشقانىدى. شىمشون ئارغامچىلارنى خۇددى يىپنى ئۈزگەندەك ئۈزۈپ تاشلىدى. دىلەيلا يەنە شىمشونغا: _ سىز تا ھازىرغىچە مېنى ئەخمەق قىلىپ، يالغان سۆزلەپ كەپسىز. ماڭا سىزنى قانداق قىلغاندا باغلىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىڭ، _ دېدى. شىمشون ئۇنىڭغا: _ ئەگەر سەن مېنىڭ بېشىمدىكى يەتتە ئۆرۈم چېچىمنى دەستىگاھتىكى يىپقا قوشۇپ توقۇپ، شىنا بىلەن چىڭىتىپ قويساڭلا، مەن ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشاش ئاجىز بولۇپ قالىمەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن شىمشون ئۇخلاپ قالغاندا، دىلەيلا ئۇنىڭ بېشىدىكى يەتتە ئۆرۈم چاچنى دەستىگاھتىكى يىپقا قوشۇپ توقۇپ، ئۇنى شىنا بىلەن چىڭىتىپ قويدى. ئاندىن شىمشونغا: _ شىمشون! فىلىستىيەلىكلەر كەلدى! _ دەپ توۋلىدى. شىمشون ئويغىنىپ، دەستىگاھتا يىپقا قوشۇپ توقۇۋېتىلگەن چېچىنى، دەستىگاھ ۋە شىنانى يۇلۇپ ئېلىۋەتتى. دىلەيلا شىمشونغا: _ سىرىڭىزنى مەندىن يوشۇرۇپ تۇرۇپ قانداقسىگە يەنە: «سېنى سۆيىمەن» دېيەلەيسىز؟ سىز مېنى ئۈچ قېتىم ئالدىدىڭىز، ماڭا سىزدىكى كۈچ-قۇدرەتنىڭ سىرىنى ئېيتىپ بەرمىدىڭىز، _ دېدى. دىلەيلا كۈندە كوتۇلداپ، غەلۋە قىلىپ، ئۇنى ئۆلگۈدەك بىزار قىلدى. ئاخىرى شىمشون ئۇنىڭغا ھەممىنى ئېيتىپ بەردى: _ چۈنكى، مەن تۇغۇلغاندىن تارتىپلا پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە ئاتالغان بولغاچقا، ھازىرغىچە بېشىمنى تىغ بىلەن چۈشۈرۈپ باقمىغان. ئەگەر مېنىڭ بېشىم تىغ بىلەن چۈشۈرۈلسە، ۋۇجۇدۇمدىكى كۈچ-قۇۋۋەت مەندىن ئايرىلىدۇ-دە، ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشاش ئاجىز بولۇپ قالىمەن. شىمشون دىلەيلاغا سىرىنى ئېيتىپ بەرگەندىن كېيىن، دىلەيلا فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرىگە: _ ئەمدى كېلىڭلار، ئۇ سىرىنى ماڭا ئېيتىپ بەردى، _ دەپ خەۋەر يەتكۈزدى. فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرى كۈمۈش تەڭگىلەرنى ئېلىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلدى. دىلەيلا شىمشوننى تىزىغا ياتقۇزۇپ ئۇخلىتىپ قويدى ۋە ئادەم چاقىرىپ كېلىپ شىمشوننىڭ يەتتە ئۆرۈم چېچىنى تىغ بىلەن چۈشۈرگۈزۈۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن شىمشون كۈچ-قۇدرىتىدىن ئايرىلدى، دىلەيلا ئۇنى بويسۇندۇرۇشقا باشلىدى. ئۇ شىمشونغا: _ شىمشون! فىلىستىيەلىكلەر كەلدى! _ دەپ توۋلىدى. شىمشون ئويغىنىپ، كۆڭلىدە: «مەن بۇرۇنقىدەك بىر سىلكىنىپلا بوشىنىمەن» دەپ ئويلىدى. ئەمما ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىنى تاشلاپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيتتى. فىلىستىيەلىكلەر ئۇنى تۇتۇپ، كۆزلىرىنى ئويۇۋېلىپ، گازاغا ئېلىپ كەلدى. ئۇنى تۇچ زەنجىر بىلەن كىشەنلەپ، زىندانغا تاشلاپ ئۇن تارتىشقا سالدى. ئەمما ئۇنىڭ چۈشۈرۈۋېتىلگەن چېچى يەنە قايتا ئۆسۈشكە باشلىدى. فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھى داگونغا ئاتاپ كاتتا قۇربانلىق ئۆتكۈزۈپ: «ئىلاھىمىز دۈشمىنىمىز شىمشوننى بىزگە تۇتۇپ بەردى» دەپ، تەنتەنە قىلىشتى. پۇقرالارمۇ شىمشوننى كۆرگەندىن كېيىن، ئىلاھىغا مەدھىيە ئوقۇپ: «بىزنىڭ ئىلاھىمىز زېمىنىمىزنى ۋەيران قىلىپ، كۆپ ئادەملىرىمىزنى ئۆلتۈرگەن دۈشمىنىمىزنى تۇتۇپ بەردى» دەپ تەنتەنە قىلىشتى. ئۇلار قاتتىق خۇشال بولۇشقان ھالدا: _ شىمشوننى ئەكېلىپ بېرىڭلار، ئۇنىڭ تاماشىسىنى كۆرۈپ كۆڭۈل ئاچىمىز، _ دەپ ۋارقىراشتى. شۇنىڭ بىلەن شىمشون زىنداندىن ئېلىپ كېلىندى. ئۇلار ئۇنىڭ تاماشىسىنى كۆرمەكچى بولۇپ، ئۇنى ئىبادەتخانىنىڭ تورۇسىنى تىرەپ تۇرغان ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغۇزۇپ قويدى. شىمشون ئۆزىنى يېتىلەپ كەلگەن يىگىتكە: _ مېنى ئىبادەتخانىنى تىرەپ تۇرغان تۈۋرۈكنىڭ يېنىغا ئېلىپ بار، مەن ئۇنىڭغا يۆلىنىپ تۇراي، _ دېدى. بۇ چاغدا ئىبادەتخانىغا ئەرلەر ۋە ئاياللار لىق تولغان بولۇپ، فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرى ھەممىسى شۇ يەردە ئىدى. ئىمارەتنىڭ ئۈستىدىكى ئايۋاندىمۇ ئەر ۋە ئاياللاردىن بولۇپ ئۈچ مىڭچە ئادەم شىمشوننىڭ تاماشاسىنى كۆرۈۋاتاتتى. شىمشون پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ مۇنداق دېدى: _ ئەي ئىگەم پەرۋەردىگار، مېنى ئېسىڭگە ئالغايسەن، ئەي خۇدا، ماڭا يەنە بىر قېتىم كۈچ-قۇۋۋەت بەرگەيسەن، مەن ئويۇۋېلىنغان كۆزلىرىم ئۈچۈن فىلىستىيەلىكلەردىن ئىنتىقام ئېلىۋالاي. شۇنىڭ بىلەن شىمشون ئىبادەتخانا ئوتتۇرىسىدىكى تورۇسنى تىرەپ تۇرغان ئىككى تۈۋرۈكنىڭ بىرسىگە ئوڭ قولىنى، ئىككىنچىسىگە سول قولىنى تېرەپ تۇرۇپ، «مەن فىلىستىيەلىكلەر بىلەن بىللە ئۆلەي!» دېدى-دە، پۈتۈن كۈچى بىلەن تۈۋرۈكنى ئۆرۈپ تاشلىدى. ئىبادەتخانىنىڭ تورۇسى بەگلەر ۋە بارلىق كىشىلەرنىڭ ئۈستىگە گۈمۈرۈلۈپ چۈشتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئۆلىدىغان چاغدا پۈتۈن ئۆمرىدە ئۆلتۈرگەندىنمۇ كۆپ ئادەملەرنى ئۆلتۈردى. ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ۋە ئاتىسىنىڭ پۈتۈن جەمەتىدىكىلەر ئۇنىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇپ كېلىپ، زورئاھ شەھىرى بىلەن ئەشتائول شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئاتىسى مانوۋاھنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىشتى. ئۇ ئىسرائىللارغا 20 يىل سەردار بولدى. ئەفرايىم تاغلىق رايونىدا مىكاھ ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ ئانىسىغا: _ مەن 1100 كۈمۈش تەڭگىنى ئوغرىلىۋالغان كىشىنى قارغىغانلىقىڭنى ئاڭلىدىم. قارا، بۇ پۇللار مېنىڭ يېنىمدا، پۇللارنى مەن ئوغرىلىغانىدىم، _ دېدى. ئانىسى ئۇنىڭغا: _ ئوغلۇم، ئىقرار بولغانلىقىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ساڭا بەخت ئاتا قىلغاي! _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن 1100 كۈمۈش تەڭگىنى ئانىسىغا قايتۇرۇپ بەردى. مىكاھنىڭ ئانىسى: _ مەن بۇ كۈمۈشلەرنى چىن دىلىمدىن ئوغلۇم ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا ئاتىدىم، بۇنىڭدىن ساڭا بىر ئويما ۋە قۇيما بۇت ياسىتىپ بېرەي، _ دېدى. مىكاھ كۈمۈشلەرنى ئانىسىغا قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئانىسى 200 كۈمۈش تەڭگىنى ئايرىپ، قۇيمىچىغا بىر ئويما ۋە قۇيما بۇت ياسىتىپ، ئۇنى مىكاھنىڭ ئۆيىگە قويۇپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن مىكاھنىڭ بىر بۇتخانىسى بار بولدى. مىكاھ يەنە ئېفود بىلەن كىچىك بۇتلارنى ياسىتىپ، ئوغۇللىرىنىڭ بىرسىنى روھانىي قىلىپ تەيىنلىدى. ئۇ زامانلاردا ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى يوق ئىدى. ھەر كىم ئۆزى توغرا دەپ قارىغان ئىشنى قىلاتتى. يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيتلەھەمدە لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان بىر ياش يىگىت يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ياشايتتى. ئۇ يىگىت باشقا ماكان تېپىش ئۈچۈن بەيتلەھەمدىن ئايرىلىپ، ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى مىكاھنىڭ ئۆيىگە كېلىپ قالدى. مىكاھ ئۇنىڭدىن: _ سەن قەيەردىن كەلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى. _ مەن يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيتلەھەمدىن كەلگەن لاۋىي قەبىلىسىدىن بولىمەن. ياشاش ئۈچۈن ماكان ئىزدەپ يۈرىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ يىگىت. مىكاھ ئۇنىڭغا: _ سەن مەن بىلەن بىللە تۇرۇپ، ماڭا ئۇستاز ۋە روھانىي بولغىن. مەن ساڭا يىلدا 10 كۈمۈش تەڭگە بېرەي، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچىكىڭ مەندىن بولسۇن، _ دېدى. مىكاھ: _ بىلىپ يەتتىمكى، پەرۋەردىگار ئەمدى ئىشلىرىمغا بەرىكەت بېرىدۇ، چۈنكى مەن لاۋىيلاردىن بىرنى ئۆزۈمگە روھانىي قىلدىم، _ دېدى. ئۇ زامانلاردا ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى يوق ئىدى. ئىسرائىللاردىن بولغان دان قەبىلىسى ماكانلىشىدىغان زېمىن ئىزدەپ يۈرەتتى. چۈنكى ئىسرائىللارنىڭ قەبىلىلىرىگە زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلگەندە، دان قەبىلىسى ئۆزىگە بۆلۈنگەن زېمىنغا تېخى ئىگە بولمىغانىدى. شۇڭا، دان قەبىلىسى ئۆز قەبىلىسىگە ۋەكىل قىلىپ زورئاھ ۋە ئەشتائولدىن بەش پالۋاننى تاللىدى ھەمدە: «بېرىپ زېمىنلارنى چارلاپ كېلىڭلار!» دەپ، ئۇلارنى ئەۋەتتى. ئۇلار ئەفرايىم تاغلىق رايونىغا كېلىپ، مىكاھنىڭ ئۆيىگە چۈشتى. ئۇلار مىكاھنىڭ ئۆيىدە ياش لاۋىينىڭ شېۋىسىدىن ئۇنى تونۇپ قېلىپ، ئۇنىڭدىن: _ سېنى بۇ يەرگە كىم ئېلىپ كەلدى؟ بۇ يەردە نېمە قىلىسەن؟ نېمە ئىش بىلەن مەشغۇل بولىسەن؟ _ دەپ سورىدى. بۇ ياش لاۋىي ئۇلارغا مىكاھنىڭ ئۆزى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ئۇنىڭ خاس روھانىيسى بولغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇلار: _ سەن خۇدادىن سوراپ باققىن، بىزنىڭ سەپىرىمىز ئوڭۇشلۇق بولامدىكىن، _ دېدى. ياش لاۋىي ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: _ خاتىرجەم مېڭىۋېرىڭلار، پۈتۈن سەپىرىڭلارنى پەرۋەردىگار كۆزىتىپ تۇرىدۇ، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ بەش پالۋان يولغا چىقىپ، لايىشقا يېتىپ كەلدى. ئۇلار بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ سىدونلۇقلارغا ئوخشاش خاتىرجەم، تىنچ-ئامان ياشاۋاتقانلىقىنى كۆردى. بۇلارغا زومىگەرلىك قىلىدىغان دۈشمەن يوق ئىدى. ئۇلار ئۆز دوستلىرى بولغان سىدونلۇقلاردىن يىراق ياشاپ، ئۇلاردىن باشقىلار بىلەن بېرىش-كېلىش قىلمايتتى. بەش پالۋان ئۆز قەبىلىسى تۇرىدىغان زورئاھ ۋە ئەشتائولغا قايتىپ كەلگەندە، قېرىنداشلىرى ئۇلاردىن: _ نېمىلەرنى كۆردۈڭلار؟ _ دەپ سورىدى. _ يۈرۈڭلار، بىز ئۇ زېمىنغا ھۇجۇم قىلايلى! ئۇ زېمىنلار ناھايىتى ئېسىل ئىكەن. بىز ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ قانداقمۇ جىم تۇرالايمىز؟ ئىككىلەنمەي بېرىپ ئۇ يەرلەرنى قولغا كەلتۈرەيلى. سىلەر ئۇ يەرگە بارساڭلار خاتىرجەم، تۇرمۇشى پاراۋان ياشاۋاتقان خەلقنى كۆرىسىلەر. خۇدا بىزگە بىپايان، مۇنبەت بولغان بۇ زېمىننى بېرىدۇ! _ دېدى ئۇلار. شۇنىڭ بىلەن دان قەبىلىسىدىن 600 ئادەم قوراللىنىپ زورئاھ ۋە ئەشتائولدىن يولغا چىقتى. ئۇلار بېرىپ يەھۇدا زېمىنىدىكى قىريات-يىئارىمدا قارارگاھ قۇردى. شۇ سەۋەبتىن قىريات-يىئارىمنىڭ غەربىدىكى شۇ يەرلەر ھازىرغىچە «دان قارارگاھى» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. ئۇلار يول ئۈستىدە ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى مىكاھنىڭ ئۆيىگە كەلدى. لايىش زېمىنىغا چارلاشقا بېرىپ كەلگەن بەش پالۋان ئۆز قېرىنداشلىرىغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر بۇ ئۆيدە ئېفود، ئويما ۋە قۇيما بۇتلار ۋە كىچىك بۇتلارنىڭ بارلىقىنى بىلەمسىلەر. شۇڭا قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ياخشى ئويلىشىڭلار. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى بەش پالۋان ياش لاۋىي تۇرىدىغان مىكاھنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن تىنچلىق سورىدى. ياش روھانىي ئۇلارنىڭ مىكاھنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئېفود، ئويما ۋە قۇيما بۇتلار ۋە كىچىك بۇتلارنى ئېلىپ ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن «بۇ نېمە قىلغىنىڭلار؟» دەپ سورىدى. ئۇلار جاۋابەن: _ ئاغزىڭنى يۇم، ئۈنۈڭنى چىقارما! بىز بىلەن ماڭ، بىزگە ئۇستاز ۋە روھانىي بولغىن. بىر ئادەمنىڭ ئائىلىسىدە روھانىي بولغىنىڭدىن ئىسرائىللارنىڭ پۈتۈن بىر قەبىلىسىگە روھانىي بولغىنىڭ ياخشى ئەمەسمۇ؟ _ دېدى. روھانىي ئىچىدە خۇشال بولۇپ ئېفود، ئويما بۇت ۋە كىچىك بۇتلارنى ئېلىپ ئۇلارغا قوشۇلدى. ئۇلار مال-مۈلۈكلىرىنى ئېلىپ، بالا-چاقىلىرى ۋە چارۋا-ماللىرىنى ئالدىغا سېلىپ، ئۆز يولىغا راۋان بولدى. ئۇلار مىكاھنىڭ ئائىلىسىدىن ئۇزاپ كەتكەندە، مىكاھ بىلەن قوشنىلىرى يىغىلىپ، دان قەبىلىسىدىكىلەرنى قوغلاپ يېتىشۋالدى ۋە ئۇلارغا ۋارقىرىدى. دان قەبىلىسىدىكىلەر كەينىگە بۇرۇلۇپ، مىكاھتىن: _ سەن بۇنچە كۆپ ئادەمنى باشلاپ كېلىپ نېمە ئىش قىلماقچىسەن؟ _ دەپ سورىدى. _ سىلەر روھانىيىمنى ۋە مەن ياسىغان بۇتلارنى ئېلىپ ماڭدىڭلار، مېنىڭ نېمەم قالدى؟ يەنە مېنىڭدىن «نېمە قىلماقچىسەن» دەپ سوراۋاتامسىلەر؟ _ دېدى مىكاھ. _ بىز بىلەن تالاشما! بولمىسا قىزىققان كىشىلەر سېنى ۋە ئائىلەڭدىكىلەرنىڭ جېنىنى ئالىدۇ! _ دېدى دان قەبىلىسىدىكىلەر. شۇنىڭ بىلەن، دان قەبىلىسىدىكىلەر ئۆز يولىنى داۋاملاشتۇردى. مىكاھ ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئامالسىز ئۆيىگە قايتىپ كەتتى. دان قەبىلىسىدىكىلەر مىكاھ ياسىغان بۇتلارنى ۋە روھانىي ياش لاۋىينى ئېلىپ، لايىشقا كەلدى. ئۇلار لايىشتا تىنچ-ئامان ۋە خاتىرجەم ياشاۋاتقان خەلقنى قىلىچ بىلەن قىرغىن قىلىپ، شەھەرگە ئوت قويۇۋەتتى. ئۇلارنى ھېچكىم قۇتقۇزمىدى، چۈنكى لايىش سىدوندىن يىراق ئىدى، ئۇلار ھەم ھېچكىم بىلەن بېرىش-كېلىش قىلمايتتى. بۇ شەھەر بەيت-رىخوب شەھىرى ئەتراپىدىكى جىلغىغا جايلاشقانىدى. دان قەبىلىسىدىكىلەر بۇ شەھەرنى قايتىدىن قۇرۇپ، ئۇ يەردە ياشاپ قالدى. ئۇلار بۇ شەھەرنى ئىسرائىللارنىڭ ئوغلى، ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادى بولغان داننىڭ نامى بىلەن «دان شەھىرى» دەپ ئاتىدى. بۇرۇن بۇ شەھەرنىڭ ئىسمى لايىش ئىدى. دان خەلقى ھېلىقى ئويما بۇتنى تىكلىدى. ئۇلار بۇ زېمىندىكىلەر سۈرگۈن قىلىنغۇچە مۇسا پەيغەمبەرنىڭ نەۋرىسى، يەنى گېرشومنىڭ ئوغلى يوناتان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى دان قەبىلىسىگە روھانىي قىلىپ تەيىنلىدى. خۇدانىڭ ئىبادەتگاھى شىلو شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، دان قەبىلىسى مىكاھ ياسىغان بۇتنى تىكلىگەنىدى. ئۇ زامانلاردا ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى يوق بولۇپ، ئەفرايىم تاغلىق رايونىنىڭ چەت بىر يېرىدە لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان بىر ئادەم ياشايتتى. ئۇ يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيتلەھەم شەھىرىدە ياشايدىغان بىر ئايالنى ئۆزىگە توقاللىققا ئالدى. بىراق، ئۇنىڭ توقىلى بۇزۇقچىلىق قىلىپ، ئېرىنى تاشلاپ، يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيتلەھەم شەھىرىدە ياشايدىغان ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىۋېلىپ، ئۇ يەردە تۆت ئاي تۇردى. بۇ لاۋىي بىر چاكار بىلەن ئىككى ئېشەكنى ئېلىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن بېرىپ، ياخشى گەپلەر بىلەن ئۇنى قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولدى. ئۇ يېتىپ كەلگەندە، توقىلى ئۇنى ئاتىسىنىڭ يېنىغا باشلاپ كىردى. ئاتىسى ئۇنى كۆرگەندە ئۇنى خۇشاللىق بىلەن كۈتۈۋالدى. قېيىنئاتىسى ئۇنى ئۈچ كۈن تۇتۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ ئۆيدە يەپ-ئىچىپ، تۇرۇپ قالدى. تۆتىنچى كۈنى بولغاندا، ئۇلار ئەتىگەن تۇرۇپ ماڭماقچى بولدى. قېيىنئاتىسى كۈيۈ ئوغلىغا: _ ئازراق ناشتا قىلىپ، قورسىقىڭلارنى تويدۇرۇپ مېڭىڭلار، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسى ئولتۇرۇپ غىزالاندى. قېيىنئاتىسى لاۋىيغا يەنە: _ بۈگۈن تۇرۇپ قېلىپ، مۇشۇ يەردە كۆڭلۈڭلەرنى خۇش قىلغىن، _ دېدى. لاۋىي ئورنىدىن تۇرۇپ مېڭىشقا تەمشىلىۋىدى، قېيىنئاتىسى ئۇنى زورلاپ تۇتۇپ قالدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ يەنە بىر كېچە قونۇپ قالدى. بەشىنچى كۈنىگە كەلگەندە، ئۇ ئەتىگەن تۇرۇپ ماڭماقچى بولدى. قېيىنئاتىسى: _ تاماق يەپ چۈشتىن كېيىن مېڭىڭلار، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تاماققا تۇرۇپ قالدى. لاۋىي توقىلىنى ئېلىپ چاكىرى بىلەن مېڭىشقا تەمشەلگەندە، قېيىنئاتىسى ئۇنىڭغا يەنە: _ قاراڭلار، كەچ بولاي دەپ قالدى، كۈنمۇ ئولتۇراي دېدى، بۈگۈن قونۇپ قېلىڭلار. مۇشۇ يەردە كۆڭۈل ئىچىپ، ئەتە ئەتىگەن سەھەر تۇرۇپ، يولغا چىقىڭلار، _ دېدى. بۇ قېتىم ئۇ ئۇنىماي، توقىلىنى ئېلىپ ئىككى ئېشىكى بىلەن يولغا چىقتى. ئۇلار مېڭىپ يىبۇس، يەنى يېرۇسالېمغا يېقىن كېلىپ قالدى. بۇ ۋاقىت كۈن ئولتۇراي دېگەن ۋاقىت ئىدى. چاكىرى ئۇنىڭغا: _ بىز بۈگۈن مۇشۇ يىبۇسلارنىڭ شەھىرىگە كىرىپ قونايلى، _ دېدى. خوجايىنى ئۇنىڭغا: _ بىز ئىسرائىللارغا تەۋە بولمىغان ياتلارنىڭ شەھىرىدە قونمايمىز. بىز گىبئاھ شەھىرىگە بېرىپ قونايلى، _ دېدى. ئۇ چاكىرىغا يەنە: _ بىز گىبئاھ ياكى راماھ شەھەرلىرىنىڭ بىرىگە بېرىپ كېچىنى ئۆتكۈزەيلى، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار يەنە يولىنى داۋام قىلدى. ئۇلار بىنيامىن قەبىلىسىگە تەۋە بولغان گىبئاھ شەھىرىگە يېقىن قالغاندا كۈنمۇ ئولتۇردى. ئۇلار بۇ شەھەردە قونۇش ئۈچۈن، شەھەر بازىرىغا باردى، لېكىن ھېچكىم ئۇلارنى ئۆيىگە كىرگۈزمىدى. شۇ چاغدا بىر بوۋاي ئېتىزدىن قايتىپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ بوۋاي ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىن كېلىپ، گىبئاھ شەھىرىدە تۇرۇپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقىلار بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەر ئىدى. بوۋاي بۇ يولۇچىلارنىڭ بازاردا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇلاردىن: _ نەگە ماڭدىڭلار؟ قەيەردىن بولىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى. لاۋىي جاۋاب بېرىپ: _ بىز يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيتلەھەمدىن ئەفرايىم تاغلىق رايونىنىڭ چەت بىر يېرىگە كېتىپ بارىمىز. بىز شۇ يەرلىك. مەن يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيتلەھەمگە بېرىپ ئۆيگە قايتىۋاتقانىدىم. ئەمما ھېچكىم بىزنى ئۆيىگە كىرگۈزمىدى. بىزنىڭ ئوزۇق-تۈلۈكىمىز ۋە ئېشىكىمىزگە بېرىدىغان يەم-خەشىكىمىز بار. كەمىنىلىرى بىلەن توقىلىم ۋە چاكىرىمنىڭمۇ يەتكۈدەك نېنى ۋە شارابى بار، بىزگە ھېچ نەرسە كېرەك ئەمەس، _ دېدى. بوۋاي: _ سىرتتا قونماڭلار! ئۆيگە مەرھەمەت، مەن ھالىڭلاردىن خەۋەر ئالاي، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن بوۋاي ئۇلارنى ئۆز ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئېشىكىگە يەم بەردى. ئۇلار پۇتلىرىنى يۇيغاندىن كېيىن، بىرلىكتە غىزالاندى. ئۇلار خۇشال-خۇرام ئولتۇرغاندا شەھەردىكى ئۆكتەملەر بوۋاينىڭ ئۆيىنى قورشىۋېلىپ، دەرۋازىنى توختىماي قاقتى. ئۇلار ئۆي ئىگىسى بوۋايغا: _ ئۆيۈڭدىكى ئەرنى چىقىرىپ بەر، بىز ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىمىز، _ دەپ ۋارقىراشتى. بوۋاي چىقىپ ئۇلارغا: _ بۇرادەرلەر، بۇنداق پەسكەشلىك قىلساڭلار بولمايدۇ. بۇ مېھمان مېنىڭ ئۆيۈمگە چۈشكەن ئىكەن، بۇنداق نومۇسلۇق ئىشنى قىلىشقا يول قويمايمەن. مېنىڭ تېخى يۇزى ئېچىلمىغان قىزىم بار، يەنە ئۇ ئادەمنىڭ توقىلىمۇ بار. ئۇلارنى ئېلىپ چىقىپ بېرەي، سىلەر ئۇلارنى قانداق ئاياغ ئاستى قىلساڭلار مەيلى. ئۇلارنى نېمە قىلساڭلار قىلىڭلار. بىراق بۇ ئەر بىلەن ئۇنداق نومۇسلۇق ئىشنى قىلماڭلار، _ دېدى. بىراق ئۇلار بوۋاينىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىدى. شۇنداقتىمۇ ھېلىقى لاۋىي توقىلىنى ئۇلارغا ئېلىپ چىقىپ بەردى. ئۇلار كېچىچە ئۇ ئايالغا باسقۇنچىلىق قىلىپ، دەپسەندە قىلدى. تاڭ سۈزۈلەي دېگەندە ئاندىن ئۇ ئايالنى قويۇپ بەردى. ئۇ ئايال تاڭ ئاتقاندا ئۆزلىرىنى قوندۇرۇپ قالغان بوۋاينىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ، شۇ يەردە يىقىلىپ قېلىپ، سەھەرگىچە شۇ يەردە ياتتى. ئەتىگەندە ئۇنىڭ ئېرى يولغا چىقماقچى بولۇپ دەرۋازىنى ئېچىپ، توقىلىنىڭ دەرۋازا ئالدىدا يېتىپ قالغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئىككى قولىنىڭ بوسۇغا ئۈستىدە تۇرغانلىقىنى كۆردى. ئۇ توقىلىغا: _ ئورنۇڭدىن تۇر، ماڭايلى، _ دېدى. ئەمما خوتۇنىدىن سادا چىقمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەر توقىلىنى ئېشەككە ئارتىپ يولغا چىقتى. ئۇ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، قولىغا پىچاقنى ئېلىپ، توقىلىنى چاناپ ئون ئىككى پارچە قىلىپ پارچىلاپ، ئۇنى ئىسرائىللار زېمىنىنىڭ ھەممە يېرىگە ئەۋەتىپ، ئىبرەت قىلدى. بۇنى كۆرگەنلەر: _ ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن بېرى مۇنداق ئىش ئەزەلدىن يۈز بېرىپ باقمىغان، ھېچكىم بۇنداق ئىشنى كۆرمىگەن. ئەمدى بۇ ئىشنى ياخشى ئويلىشىپ، قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى مەسلىھەتلىشەيلى، _ دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىللار، شىمالدىكى داندىن تارتىپ، جەنۇبتىكى بەئەرشەبا ۋە شەرقتىكى گىلئادغىچە بولغان زېمىنلاردىن كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بىر گەۋدە بولۇپ، مىزپاھ شەھىرىگە توپلاندى. ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ ئاقساقاللىرى ۋە 400,000 ئادەم قىلىچ بىلەن قوراللىنىپ، رەتمۇرەت تىزىلىپ خۇدانىڭ جامائىتى بولۇپ ھازىر بولدى (باشقا قەبىلىلەرنىڭمۇ مىزپاھقا توپلانغانلىقىنىڭ خەۋىرى دەرھال بىنيامىن قەبىلىسىگە يېتىپ باردى). ئىسرائىللار ھېلىقى لاۋىيدىن: _ بىزگە بۇ پەسكەش ئىشنىڭ قانداق يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگىن، _ دەپ سورىدى. توقىلى ئۆلتۈرۈلگەن ھېلىقى لاۋىي مۇنداق دېدى: _ مەن توقىلىم بىلەن بىنيامىن قەبىلىسىگە تەۋە بولغان گىبئاھقا كەلدۇق ۋە كېچىدە شۇ يەردە قونۇپ قالماقچى بولدۇق. كېچىدە گىبئاھلىقلارنىڭ ئاقساقاللىرى كېلىپ، مەن چۈشكەن ئۆينى قورشىۋېلىپ مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى. ئۇلار مېنىڭ خوتۇنۇمغا پەسكەشلىك قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن مەن توقىلىمنى پارچىلاپ، ئىسرائىل خەلقىنىڭ مىراسى بولغان ھەربىر زېمىنغا ئەۋەتتىم. چۈنكى گىبئاھلىقلار ئىسرائىللار ئارىسىدا شۇنداق نومۇسسىز ۋە ئىپلاس ئىشتىن بىرنى قىلدى. ئىسرائىل خەلقى بۇنىڭغا ئۆزۈڭلار بىر نېمە دەڭلار. شۇنىڭ بىلەن خەلق بىردەك: _ ئارىمىزدىن ھېچكىم ئۆز چېدىرىغا قايتمىسۇن، ھېچكىم ئۆز ئۆيىگە يانمىسۇن. چەك تاشلاپ گىبئاھقا قارشى قانداق ئۇرۇش قىلىشنى بېكىتەيلى. بىز ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىكى ھەر يۈز ئادەمدىن ئوننى، مىڭدىن يۈزنى، ياكى ئون مىڭدىن مىڭنى تاللاپ، قوشۇننى ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن تەمىنلەشكە قويىمىز. قوشۇنىمىز بىنيامىن زېمىنىدىكى گىبئاھقا يېتىپ بارغاندا، گىبئاھلىقلارنىڭ ئىسرائىللار ئارىسىدا قىلغان نومۇسسىزلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى جازالايمىز، _ دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار بىر گەۋدە بولۇپ، بىرلىكتە گىبئاھقا قوشۇن تارتىشتى. ئىسرائىل قەبىلىلىرى بىنيامىن قەبىلىسىگە ئادەم ئەۋەتىپ: _ سىلەر قانداقسىگە مۇشۇنداق قەبىھ ئىش قىلدىڭلار؟ سىلەر ھازىر گىبئاھتىكى ھېلىقى ئۆكتەملەرنى بىزگە چىقىرىپ بېرىڭلار. بىز ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئىسرائىللار ئارىسىدىن رەزىللىكنى يوقىتايلى، _ دېدى. بىنيامىنلار ئىسرائىل قېرىنداشلىرىنىڭ سۆزىگە كۆنمەي، ئەكسىچە، ئۇلار ئۆز شەھەرلىرىدىن كېلىپ، گىبئاھقا يىغىلىپ، ئىسرائىل خەلقى بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا تەييار بولۇشتى. گىبئاھقا توپلانغان بىنيامىنلاردىن 26,000 قىلىچلىق لەشكەر ۋە گىبئاھلىقلاردىن خىللانغان 700 لەشكەر سەپكە تىزىلغانىدى. لەشكەرلەر ئارىسىدا يەنە تاللانغان 700 ئادەم بار بولۇپ، ئۇلار سولخاي ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەربىرى سالغا بىلەن تاش ئاتسا نىشانغا تەگمەي قالمايتتى. ئىسرائىللارنىڭ بىنيامىنلارنى ھېسابلىمىغاندا، جەڭ قىلىشقا ماھىر 400,000 قىلىچلىق لەشكىرى بار ئىدى. ئىسرائىل خەلقى بەيتەلگە بېرىپ پەرۋەردىگاردىن: _ بىزدىن بىنيامىنلار بىلەن جەڭ قىلىشقا قايسى قەبىلە ئاۋۋال چىقسۇن؟ _ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىپ: _ يەھۇدا قەبىلىسى ئاۋۋال چىقسۇن، _ دېدى. ئىسرائىللار سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ، گىبئاھقا يېقىن جايدا بارگاھ قۇرۇشتى. ئىسرائىللار بىنيامىنلار بىلەن جەڭ قىلىشقا تەييار بولۇپ، گىبئاھ شەھىرىنىڭ ئالدىدا جەڭ سېپى تۈزۈشتى. بىنيامىنلار گىبئاھتىن چىقىپ 22 مىڭ ئىسرائىلنى ئۆلتۈردى. ئىككىنچى كۈنى ئىسرائىللار بىر-بىرىگە مەدەت بېرىپ، ئۇرۇشنىڭ بىرىنچى كۈنىدىكىدەك جەڭگىۋار ھالەتتە ئۇرۇش سېپىنى قايتىدىن تۈزۈشتى. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا كەچ كىرگۈچە نالە-زار قىلىپ، ئۇنىڭدىن: _ بىز يەنە قېرىنداشلىرىمىز بىنيامىنلار بىلەن جەڭ قىلساق بولامدۇ؟ _ دەپ سوراشقانىدى. پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىپ: _ بېرىڭلار، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىڭلار، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى كۈنى ئىسرائىللار بىنيامىنلارغا ھۇجۇم قىلدى. ئۇ كۈنى بىنيامىنلارمۇ گىبئاھتىن چىقىپ، ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلدى. ئۇلار ئىسرائىللاردىن 18 مىڭ قىلىچلىق لەشكەرنى ئۆلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارنىڭ بارلىق قوشۇنى بەيتەلگە بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئولتۇرۇپ نالە-زار قىلدى ۋە كەچكىچە روزا تۇتۇشتى. پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى قىلىشتى (ئۇ چاغلاردا خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى شۇ يەردە ئىدى. ھارۇننىڭ نەۋرىسى، يەنى ئەلئازارنىڭ ئوغلى پىنىخاس شۇ چاغدا روھانىي ئىدى). ئىسرائىللار پەرۋەردىگاردىن: _ بىز يەنە بىر قېتىم قېرىنداشلىرىمىز بىنيامىنلار بىلەن ئۇرۇش قىلايلىمۇ ياكى ئۇرۇشنى توختىتايلىمۇ؟ _ دەپ سوراشتى. پەرۋەردىگار ئۇلارغا: _ بېرىڭلار، مەن ئەتە ئۇلارنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بېرىمەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار گىبئاھنىڭ ئەتراپىغا بۆكتۈرمە قويدى. ئۈچىنچى كۈنى، ئىسرائىللار ئالدىنقى ئىككى كۈنگە ئوخشاش گىبئاھنىڭ ئالدىدا سەپ تۈزۈشتى. ئۇلار بىنيامىنلارنى شەھەردىن ئالداپ چىقىرىشتى. بىنيامىنلار ئاۋۋالقىغا ئوخشاش، بەيتەلگە بارىدىغان يول بىلەن گىبئاھقا بارىدىغان يولدا ۋە دالادا جەڭ باشلاپ، ئىسرائىللاردىن 30دەك ئادەمنى ئۆلتۈردى. بىنيامىنلار: _ ئۇلارنى ئاۋۋالقىدەكلا مەغلۇپ قىلىمىز، _ دېيىشتى. ئىسرائىللار: _ بىز قېچىپ، ئۇلارنى ئالداپ شەھەردىن يولغا باشلاپ چىقايلى، _ دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئىسرائىللار ئۆز ئورۇنلىرىدىن قوزغىلىپ، بائال-تامار دېگەن يەردە سەپ تۈزۈشۈۋاتقاندا، گىبئاھنىڭ سېپىل سوقۇلمىغان يېرىدە بۆكتۈرمىدە يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئىسرائىللارمۇ ئورۇنلىرىدىن ئېتىلىپ چىقىشتى. ئىسرائىللاردىن خىللانغان 10 مىڭ لەشكەر گىبئاھقا شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلدى. بىنيامىنلار ئۆزلىرىگە بالا-قازانىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي قالدى. پەرۋەردىگار بىنيامىنلارنى ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا يوقاتتى، يەنى ئىسرائىللار شۇ كۈنى بىنيامىنلاردىن 25,100 قىلىچلىق لەشكەرنى ئۆلتۈردى. شۇنداق قىلىپ بىنيامىنلار ئۆزلىرىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى بىلىپ يەتتى. بۇ جەرياندا يەنە مۇنداق ئىشلار يۈز بەردى: ئىسرائىللار گىبئاھ ئەتراپىغا بۆكتۈرمىگە قويغان ئادەملىرىگە ئىشەنچ قىلىپ، بىنيامىنلارنى ئالداپ، تۇرغان يېرىدىن چېكىنىشتى. شۇنىڭ بىلەن بۆكتۈرمىدىكىلەر گىبئاھقا بۆسۈپ كىردى. ئۇلار كىرگەندىن كېيىن، پۈتۈن شەھەردىكىلەرنى قىلىچ بىلەن قەتل قىلدى. ئىسرائىللار بۆكتۈرمىدىكىلەر بىلەن شەھەرگە ئوت قويۇپ، ئىس-تۈتەك پەيدا قىلىپ، بەلگە بېرىشنى كېلىشىۋالغانىدى. ئۇلار بۇ بەلگىنى كۆرگەندىن كېيىن، چېكىنىشتىن توختاپ، ئارقىغا يېنىپ جەڭ قىلىشى كېرەك ئىدى. ئىسرائىللار قاچقان قىياپەتكە كىرىۋالغان چاغدا، بىنيامىنلار ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئىسرائىللارنىڭ 30دەك ئادىمىنى ئۆلتۈرگەنىدى. بىنيامىنلار: _ ئۇلارنى جەزمەن باشتىكىدەك مەغلۇپ قىلىمىز! _ دېيىشتى. بىنيامىنلار ئارقىسىغا قاراپ پۈتۈن شەھەردىن قويۇق ئىس-تۈتەكنىڭ پەلەككە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆردى. بۇ چاغدا ئىسرائىللار كەينىگە يېنىپ بىنيامىنلارغا ھۇجۇم قىلدى. ئۇلار بۇنى كۆرۈپ، بېشىغا بالا-قازا كەلگەنلىكىنى بىلىپ، ئالاقزادە بولۇشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىسرائىللاردىن قېچىپ چۆلگە قاراپ چېكىنىشكە باشلىدى، بىراق ئۇلار قېچىپ قۇتۇلالمىدى. چۈنكى ئىسرائىللار ئەتراپتىكى شەھەرلەردىن چىقىپ ئۇلارنى قىرغىن قىلدى. ئىسرائىللار بىنيامىنلارنى قورشاپ، ئۇلارنى توختىماستىن قوغلاپ گىبئاھنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدە يوقاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىنيامىنلارنىڭ 18 مىڭ پالۋىنىنىڭ ھەممىسى ئۆلدى. قالغان ئادەملەر چۆلدىكى رىممون قىيا تېشى تەرەپكە قاراپ قاچتى. يول بويى ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ يەنە بەش مىڭ ئادىمىنى ئۆلتۈردى. كېيىن ئۇلار گىدئومغىچە قوغلاپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ يەنە ئىككى مىڭ ئادىمىنى ئۆلتۈردى. شۇ كۈنى بىنيامىنلارنىڭ 25 مىڭ قىلىچلىق پالۋىنىنىڭ ھەممىسى ئۆلدى. قالغان 600 ئادەم چۆلدىكى رىممون قىيا تېشىنىڭ يېنىغا قېچىپ بېرىپ، ئۇ يەردە تۆت ئاي تۇردى. ئىسرائىللار بىنيامىنلارنىڭ شەھەرلىرىگە قايتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ بارلىق ئادەملىرى ۋە مال-چارۋىلىرىنى قىلىچ بىلەن قىرىپ، شەھەرلەرنى ۋە ئۇچرىغان باشقا نەرسىلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى. ئىسرائىللار مىزپاھتا قەسەم ئىچىپ: «ئارىمىزدىن ھېچكىم قىزلىرىنى بىنيامىنلارغا خوتۇنلۇققا بەرمىسۇن» دېيىشكەنىدى. ئىسرائىل خەلقى بەيتەلگە كېلىپ، خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا كەچكىچە ئولتۇرۇپ، ئۈن سېلىپ ھۆڭرەپ يىغلاشتى. ئۇلار: _ ئى پەرۋەردىگار، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا! نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئىش يۈز بېرىدۇ؟ ئىسرائىللاردىن بىر قەبىلە ئازىيىپ كەتتىغۇ! _ دېيىشتى. ئەتىسى خەلق سەھەر تۇرۇپ، شۇ يەردە بىر قۇربانلىق سۇپىسى قۇرۇپ، كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى قىلىشتى. ئىسرائىللار: _ ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىن كىم پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتى بولۇشقا كەلمىدى؟ _ دېيىشتى. بۇرۇن ئۇلار مىزپاھتا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلمىگەنلەر توغرىسىدا قاتتىق قەسەم ئىچىپ: «بۇ يەرگە كەلمىگەنلەرنى چوقۇم ئۆلتۈرىمىز» دېيىشكەنىدى. ئىسرائىللار قېرىنداشلىرى بىنيامىنلار توغرىسىدا قايغۇرۇپ: _ بۈگۈن ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىن بىر قەبىلە ئازىيىپ كەتتى. بىز بۇرۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇلارغا قىزلىرىمىزنى خوتۇنلۇققا بەرمەيمىز دەپ قەسەم ئىچىشكەنىدۇق، ئەمدى ئۇلاردىن ھايات قالغانلىرىنىڭ خوتۇن ئېلىش ئىشىنى قانداق ھەل قىلىشىمىز كېرەك؟ _ دېيىشتى. جەم بولغانلار ئىچىدىن 12,000 پالۋاننى تاللاپ ئۇلارغا: _ سىلەر گىلئادتىكى يابېش شەھىرىگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ خوتۇن، بالا-چاقىلىرىنىمۇ قويماي قىلىچ بىلەن قىرىپ تاشلاڭلار. سىلەر يەنە بارلىق ئەرلەرنى ۋە ئەرلەر بىلەن بىللە بولغان ئاياللارنىڭ ھەممىسىنى قىرىپ تاشلاڭلار، _ دەپ جېكىلىدى. ئىسرائىللار گىلئادتىكى يابېشلىقلار ئىچىدىن يۈزى ئېچىلمىغان، ئەرلەرگە يېقىن كەلمىگەن 400 قىزنى تېپىپ، ئۇلارنى كەنئان زېمىنىنىڭ شىلو شەھىرىدىكى بارگاھقا ئېلىپ كەلدى. قايتا جەم بولغان ئىسرائىللار رىممون قىيا تېشىنىڭ يېنىدىكى بىنيامىنلارغا خەۋەر ئەۋەتىپ، ئۇلارغا ئامانلىق بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىنيامىنلار قايتىپ كەلدى. ئىسرائىللار گىلئادتىكى يابېش شەھىرىدىن ئۆلتۈرمەي ئېلىپ كەلگەن 400 قىزنى ئۇلارغا خوتۇنلۇققا بەردى، ئەمما ئۇلارغا بۇ قىزلار يېتىشمىدى. شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك بىنيامىنلار ئۈچۈن يەنە قايغۇرۇشتى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىن بىرىنى يوق قىلغانىدى. يىغىلىشتا ئاقساقاللار: _ بىنيامىنلارنىڭ خوتۇن-قىزلىرىنىڭ ھەممىسىنى يوقاتتۇق، ھايات قالغان ئەرلەرگە قەيەردىن خوتۇن تېپىپ بېرىمىز؟ _ دېيىشتى. ئۇلار يەنە: _ ھايات قالغان بىنيامىنلار ئەۋلاد قالدۇرۇشى كېرەك، شۇندىلا ئىسرائىللارنىڭ بىنيامىن قەبىلىسى يوقىلىپ كەتمەيدۇ. ئەمما بىز ئۇلارغا ئۆز قىزلىرىمىزنى خوتۇنلۇققا بېرەلمەيمىز، چۈنكى بىز قەسەم ئىچىپ: «بىنيامىنلارغا قىزلىرىنى خوتۇنلۇققا بەرگەنلەر لەنەتكە قالسۇن» دېيىشكەن. مانا، پەرۋەردىگار ئۈچۈن يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان ھېيتمۇ كېلىپ قالدى. بىز بۇ ھېيتنى بەيتەلنىڭ شىمالى، بەيتەلدىن شەكەمگىچە سوزۇلغان يولنىڭ شەرقى ۋە لىبونانىڭ جەنۇبىدىكى شىلو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈمىز، _ دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىنيامىنلارغا: _ سىلەر ئۈزۈملۈككە بېرىپ بۆكتۈرمىدە تۇرۇڭلار. سىلەر ساقلاپ تۇرۇپ، شىلو قىزلىرى ئۇسسۇل ئوينىغىلى كەلگەندە، ھەربىرىڭلار بىردىن تۇتۇپ، بىنيامىن زېمىنىغا خوتۇنلۇققا ئېلىپ كېتىڭلار. ئۇلارنىڭ ئاتىسى ياكى قېرىنداشلىرى كېلىپ بىزگە دەۋا قىلسا، بىز ئۇلارغا: «بىزنىڭ يۈزىمىزنى قىلىپ بىنيامىنلارغا ئىلتىپات قىلىڭلار، چۈنكى بىز گىلئادتىكى يابېشتىكى جەڭ مەيدانىدا ئۇلارغا يەتكۈدەك قىز تاپالمىدۇق. سىلەر قىزىڭلارنى قەستەن ئۇلارغا بەرگەن ئەمەس، شۇڭا سىلەر گۇناھسىز» دەيمىز، _ دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىنيامىنلار ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك ئۆزلىرىگە يەتكۈدەك ئۇسسۇلچى قىزلارنى خوتۇنلۇققا تۇتۇپ ئېلىپ كەتتى. كېيىن ئۇلار يۇرتلىرىغا قايتىپ، ئۆز شەھەرلىرىنى باشقىدىن قۇرۇپ، شۇ يەرلەردە ياشاپ قالدى. شۇنداق قىلىپ ئىسرائىللار تارقىلىپ، ھەممىسى ئۆز قەبىلىسى، ئۆز جەمەتى ۋە ئۆزلىرىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنغا قايتىشتى. ئۇ زامانلاردا ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى يوق ئىدى. ھەر كىم ئۆزى توغرا دەپ قارىغان ئىشىنى قىلاتتى. ئەلىمەلەك ئالەمدىن ئۆتۈپ، نائومى ئىككى ئوغلى بىلەن قالدى. ئىككى ئوغلى موئاب يۇرتىنىڭ قىزلىرىدىن ئورپا ۋە رۇتلارغا ئۆيلەندى. ئۇلار ئۇ يەردە ئون يىلچە ياشىغاندىن كېيىن، ماھلون ۋە كىليونلارمۇ ۋاپات بولۇپ، نائومى پەرزەنتسىز تۇل بولۇپ قالدى. نائومى موئابتا تۇرغان ۋاقتىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقىگە بەخت ئاتا قىلىپ، ئۇلارغا مول ھوسۇل بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپ، يۇرتىغا قايتماقچى بولدى. ئۇ ئىككى كېلىنى بىلەن بىللە بۇرۇن تۇرغان ماكانىدىن ئايرىلىپ، يەھۇدا زېمىنىغا قاراپ مېڭىش يولىدا ئىككى كېلىنىگە: _ سىلەر ئەمدى ئاناڭلارنىڭكىگە قايتىپ كەتسەڭلار. سىلەر ماڭا ۋە مەرھۇملىرىڭلارغا ياخشى قارىغىنىڭلاردەك، پەرۋەردىگارمۇ سىلەرگە ياخشىلىق ئاتا قىلغاي. پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ يەنە نىكاھلىنىپ، ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ، ئامانلىقتا ياشىشىڭلارنى نېسىپ قىلسۇن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن نائومى ئۇلارنى سۆيۈپ قويدى، لېكىن ئىككى كېلىن: _ ياق! بىز سىز بىلەن بىللە ئۆز خەلقىڭىزنىڭ يېنىغا كېتىمىز، _ دەپ ئۈن سېلىپ، يىغلىشىپ كېتىشتى. بىراق نائومى: _ قىزلىرىم، قايتىپ كېتىڭلار! نېمىشقا مەن بىلەن كېتىسىلەر؟ ئويلاپ بېقىڭلار، مەن يەنە سىلەرگە ئەر بولىدىغان ئوغۇل تۇغالامدىمەن؟ قايتىپ كېتىڭلار، قىزلىرىم، مېڭىڭلار! مېنىڭ يېشىم نىكاھلىنىش يېشىدىن ئۆتۈپ كەتتى. نىكاھلىنىشقا # نىكاھلىنىشىمغا # ئازراق ئۈمىدنىمۇ بار دەيلى، ئەگەر مەن بۈگۈنلا بىرسىگە تېگىپ، ئوغۇللۇق بولدۇممۇ دەيلى، سىلەر ئۇ ئوغۇللار بالاغەتكە يەتكۈچە كۈتۈپ تۇرالامسىلەر؟ سىلەر باشقا ئەرگە تەگمەي ئۇلارنى كۈتەلەمسىلەر؟ ياق! قىزلىرىم، بۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. مېنى خۇدا ئۇردى. خۇدانىڭ ماڭا ئاتا قىلغان شور پېشانىلىكىنى سىلەر تارتساڭلار توغرا بولمايدۇ، _ دېدى. ئۇلار يەنە قاتتىق يىغلاشتى. ئورپا قېينانىسىنى سۆيۈپ قويۇپ كەتتى. لېكىن رۇت قېينانىسىنى چىڭ قۇچاقلىدى. نائومى ئۇنىڭغا: _ رۇت، كېلىن سىڭلىڭ ئۆز خەلقىنىڭ ۋە ئىلاھىنىڭ يېنىغا كەتتى. سەنمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن قايتقىن! _ دېدى. بىراق رۇت: _ مېنى سىزدىن تېنىپ قېشىڭىزدىن كېتىشكە زورلىماڭ. سىز نەگە بارسىڭىز، مەنمۇ شۇ يەرگە بارىمەن. سىز نەدە تۇرسىڭىز، مەنمۇ شۇ يەردە تۇرىمەن. سىزنىڭ خەلقىڭىز مېنىڭمۇ خەلقىم. سىزنىڭ خۇدايىڭىز مېنىڭمۇ خۇدايىم. سىز قەيەردە ئۆلسىڭىز، مەنمۇ شۇ يەردە ئۆلىمەن ۋە شۇ يەرگە كۆمۈلىمەن. ئۆلۈمدىن باشقا ھېچقانداق نەرسە بىزنى ئايرىۋېتەلمەيدۇ! ئەگەر مەن بۇ قەسىمىمگە ئەمەل قىلمىسام، پەرۋەردىگار مېنى قاتتىق جازالىسۇن، _ دېدى. رۇتنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە كېتىشنى شۇنچىلىق كۈچلۈك تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن نائومى ئۇنى قايتا زورلىمىدى. ئۇلار بىللە مېڭىپ بەيتلەھەمگە باردى. ئۇلار يېتىپ بارغاندا، پۈتۈن شەھەر خەلقى ھاياجانغا چۆمدى. ئاياللار ئەجەبلىنىپ، بىر-بىرىگە: _ ئۇ راستتىنلا نائومىمىدۇ؟ _ دېيىشتى. نائومى: _ مېنى نائومى [مەنىسى «يېقىملىق»] دېمەي، مارا [مەنىسى «ئاچچىق»] دەڭلار! _ دېدى. ئۇ يەنە ئۇلارغا: _ ھەممىگە قادىر خۇدا مېنى شور پېشانە قىلدى. مەن يۇرتۇمدىن كەتكىنىمدە بەختلىك ئىدىم، لېكىن ھازىر پەرۋەردىگار مېنى ھەممىدىن مەھرۇم قىلدى. پەرۋەردىگار مېنى ئەيىبلىدى، ھەممىگە قادىر خۇدا ماڭا كۈلپەت سالدى. شۇنداق تۇرسا، سىلەر مېنى نېمىشقا يەنە نائومى دەپ ئاتايسىلەر!؟ _ دېدى. شۇ تەرىقىدە نائومى ۋە ئۇنىڭ موئابلىق كېلىنى رۇت موئابتىن قايتىپ كەلدى. ئۇلار بەيتلەھەمگە يېتىپ كەلگەندە، ئارپا ئورمىسى ئەمدى باشلانغانىدى. نائومىنىڭ بوئاز ئىسىملىك باي ھەم ئابرۇيلۇق بىر تۇغقىنى بار بولۇپ، ئۇ نائومىنىڭ ئېرى ئەلىمەلەكنىڭ جەمەتىدىن ئىدى. # نائومىنىڭ ئېرى ئەلىمەلەكنىڭ جەمەتىدىن بوئاز ئىسىملىك بىر تۇغقىنى بار بولۇپ، ئۇ باي ھەم ئابرۇيلۇق ئادەم ئىدى. # بىر كۈنى رۇت نائومىغا: _ مېنىڭ ئېتىزغا بېرىپ باشاق تېرىشىمگە ماقۇل بولسىڭىز، بېشىمنى سىلايدىغان بىرەر كىشىنىڭ كەينىدە ئىشلەي، _ دېدى. _ مەيلى، بارغىن، قىزىم، _ دېدى نائومى. رۇت ئېتىزغا بېرىپ، ئورمىچىلارنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، چېچىلىپ كەتكەن ئارپا باشاقلىرىنى تەردى. بۇ ئېتىز دەل بوئازنىڭ ئىدى. رۇت ئېتىزدا باشاق تېرىۋاتقاندا، بوئاز بەيتلەھەمدىن كەلدى. ئۇ ئورمىچىلارغا: _ پەرۋەردىگار سىلەر بىلەن بىللە بولغاي! _ دەپ سالام بەردى. _ پەرۋەردىگار سىزگە بەخت ئاتا قىلغاي! _ دەپ سالام قايتۇردى ئۇلار. بوئاز ئورمىچىلارغا مەسئۇل كىشىدىن: _ ئاۋۇ كىمنىڭ قىزى ئىكەن؟ _ دەپ سورىدى. ئۇ: _ ئۇ موئابلىق قىز ئىكەن، نائومى بىلەن بىللە موئابتىن كەپتۇ. ئۇ مەندىن ئورمىچىلارنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، باغلاملارنىڭ ئارىسىدىن يەرگە چېچىلىپ كەتكەن باشاقلارنى تېرىۋېلىشنى تەلەپ قىلغانىدى. سەھەردىن بېرى ئىشلەپ، كەپىدە پەقەت بىر ئاز ئارام ئېلىپ، يەنە ئىشلەۋاتىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى. بوئاز رۇتنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: _ ئەي قىزىم، گېپىمگە قۇلاق سال! سەن باشاقنى باشقىلارنىڭ ئېتىزلىرىغا بېرىپ تەرمەي، بۇ يەردە قېلىپ، ئايال خىزمەتكارلىرىمنىڭ قېشىدا تەرگىن. ئەر خىزمەتكارلىرىم قەيەردە ئورما ئورسا، سەن ئايال خىزمەتكارلىرىم بىلەن بىللە ئاشۇ يەرگە بار. ئەر ئورمىچىلىرىمغا سېنى بوزەك قىلماسلىقنى تاپىلايمەن. ئۇسسىساڭ، ئۇلار توشقۇزۇپ قويغان كومزەكلەردىن سۇ ئېلىپ ئىچكىن، _ دېدى. رۇت بوئازنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ، بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ: _ مەن بىر مۇساپىر تۇرسام، نېمىشقا بېشىمنى سىلاپ، بۇنچىۋالا غەمخورلۇق قىلىسىز؟ _ دېدى. بوئاز ئۇنىڭغا: _ سەن تۇل قالغاندىن كېيىن قېيناناڭغا قىلغان ۋاپادارلىقىڭنى ئاڭلىغانىدىم. سېنىڭ ئاتا-ئاناڭ ۋە ئۆز يۇرتۇڭدىن قانداق ئايرىلىپ، بۇ يات خەلق ئىچىگە قانداقچە كېلىپ قالغانلىقىڭدىن تولۇق خەۋىرىم بار. پەرۋەردىگار قىلغان ياخشىلىقلىرىڭنى ئۆزۈڭگە ياندۇرغاي. سەن قانىتى ئاستىدا پاناھلىق ئىزدىگەن ئىسرائىللارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ساڭا مول ئىلتىپاتىنى ياغدۇرغاي، _ دېدى. رۇت ئۇنىڭغا: _ خوجام، سىز ماڭا بەك چوڭ ياخشىلىق قىلدىڭىز، گەرچە مەن سىزنىڭ دېدەكلىرىڭىزدىن بولمىساممۇ، ماڭا شۇنداق مۇلايىم سۆزلەرنى قىلىپ، كۆڭلۈمگە تەسەللى بەردىڭىز، _ دەپ جاۋاب قايتۇردى. تاماق ۋاقتى بولغاندا، بوئاز رۇتقا: _ قېنى، كەلگىن، نانغا ئېغىز تەگكىن. ئاچچىقسۇغا تەگكۈزۈپ يېگىن، _ دېدى. رۇت ئورمىچىلار بىلەن بىللە ئولتۇردى. بوئاز ئۇنىڭغا قوماچتىن ئېلىپ بەردى. ئۇ تويغۇچە يېدى ۋە ئاشۇرۇپ قويدى. رۇت ئورنىدىن تۇرۇپ يەنە باشاق تەرگىلى كەتكەندە، بوئاز ئەر ئورمىچىلىرىغا: _ ئۇ ئورۇلغان باغلاملارنىڭ ئارىسىدا يۈرۈپ تەرسىمۇ توسماڭلار ۋە ئازار بەرمەڭلار. ھەتتا ئۇنىڭ ئۈچۈن باغلاملاردىن ئازراق سۇغۇرۇپ چىقىرىپ قويۇڭلار. ئۇنى ئەيىبلىمەڭلار، _ دەپ تاپىلىدى. شۇنىڭ بىلەن رۇت كەچ كىرگۈچە ئېتىزدا ئىشلىدى. ئۇ تېرىپ كەلگەن باشاقلارنى سوققاندا، يېرىم خالتا دېگۈدەك دان چىقتى. رۇت ئارپىسىنى ئېلىپ، شەھەرگە قايتىپ كەلگەندە، قېينانىسى ئۇنىڭ تەرگەن ئارپىسىنى كۆردى. رۇت ئېشىپ قالغان تامىقىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا بەردى. نائومى ئۇنىڭغا: _ بۇنچىۋالا كۆپ ئارپىنى قەيەردىن تېرىپ كەلدىڭ؟ سەن كىمنىڭ ئېتىزىدا ئىش قىلدىڭ؟ ساڭا غەمخورلۇق قىلغان شۇ كىشىگە خۇدا رەھمەت قىلسۇن! _ دېدى. رۇت قېينانىسىغا ئۆزىنىڭ بوئازنىڭ ئېتىزىدا ئىشلىگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. نائومى روھلانغان ھالدا: _ ­­­­ھايات بىزلەرگە مېھىر-شەپقىتىنى كۆرسىتىش بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن ئەرلىرىمىزگە سادىق بولغان بوئازغا پەرۋەردىگار زور بەخت ياغدۇرسۇن! _ دەپ دۇئا قىلدى. ئۇ يەنە: _ ئۇ كىشى بىزنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىمىزنىڭ بىرى بولىدۇ. ئۇنىڭ بىزگە قاراش مەسئۇلىيىتىى بار، _ دېدى. _ يەنە مېنىڭ تاكى ئورما ئاياغلاشقۇچە ئۆز ئورمىچىلىرىنىڭ كەينىدىن باشاق تېرىشىمگە رۇخسەت بەردى، _ دېدى رۇت. نائومى كېلىنىگە: _ شۇنداق قىلغىن، قىزىم! بوئازنىڭ ئايال خىزمەتكارلىرى بىلەن بىللە ئىشلىگىن. ئەگەر باشقا كىشىلەرنىڭ ئېتىزلىرىغا بارساڭ، سېنى بوزەك قىلىشى مۇمكىن، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ، رۇت ئارپا، بۇغدايلار ئورۇلۇپ بولغانغا قەدەر، بوئازنىڭ ئايال خىزمەتكارلىرى بىلەن بىللە باشاق تەردى. ئۇ قېينانىسى بىلەن بىللە تۇرىۋەردى. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، نائومى كېلىنى رۇتقا: _ ھەي قىزىم، مەن ساڭا باشپاناھ بولىدىغان بىر ئەر تاپاي. سەن ئەمدى ئۆي-ئوچاقلىق بولۇپ قالغىن. سەن ئايال خىزمەتكارلىرى بىلەن بىللە ئىشلىگەن بوئازنىڭ بىزگە تۇغقان ئىكەنلىكىنى بىلىسەنغۇ. سۆزۈمنى ئاڭلا! بۈگۈن كەچتە ئۇ خاماندا ئارپا سوقىدۇ. سەن ئۈستى-بېشىڭنى يۇيۇپ، ئۆزۈڭگە ئەتىر چېچىپ، چىرايلىق كىيىملىرىڭنى كىيىپ، خامانغا بارغىن. لېكىن ئۇ يەپ-ئىچىپ بولغۇچە، سېنىڭ ئۇ يەرگە بارغانلىقىڭنى تۇيۇپ قالمىسۇن. ئۇنىڭ ياتىدىغان يېرىنى كۆرۈۋال. ئۇ يېتىپ بولغاندا، چاندۇرماي بېرىپ، يوتقىنىنى ئېچىپ، ئۇنىڭ ئاياغ تەرىپىدە يېتىۋالساڭ، ئۇ ساڭا نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ، _ دېدى. _ سىز نېمە دېسىڭىز مەن شۇنى قىلىمەن، _ دەپ جاۋاب قايتۇردى رۇت. شۇنىڭ بىلەن رۇت خامانغا بېرىپ، قېينانىسىنىڭ دېگىنىدەك قىلدى. بوئاز يەپ-ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، كۆڭلى ئازادە بولۇپ راھەتلەندى ۋە خامان دۆۋىسىنىڭ كەينىدە يېتىپ، ئۇيقۇغا كەتتى. رۇت شەپە چىقارماي، يوتقىنىنىڭ ئاياغ تەرىپىنى ئېچىپ قويۇپ، شۇ يەردە ياتتى. تۈن يېرىم بولغاندا بوئاز مۇزلاپ كەتكەنلىكتىن ئويغىنىپ، ئالدىغا ئېڭىشكەندە ئاياغ تەرىپىدە بىر ئايالنىڭ ياتقىنىنى كۆرۈپ، ھەيران بولۇپ: _ سەن كىم؟ _ دەپ سورىدى. ئۇ: _ بۇ مەن، رۇت، چاكىرىڭىز. سىز ماڭا قاراش مەسئۇلىيىتى بار بولغان يېقىن تۇغقىنىم. شۇڭا ماڭا قانىتىڭىزنى سايە قىلىپ، مېنى ئەمرىڭىزگە ئالسىڭىز! _ دېدى. بوئاز ئۇنىڭغا: _ ئەي قىزىم، پەرۋەردىگار ساڭا كۆپ بەخت ئاتا قىلسۇن! سېنىڭ ھازىر ئېرىڭنىڭ جەمەتىگە كۆرسىتىۋاتقان ساداقىتىڭ بۇرۇن كۆرسەتكەن ساداقىتىڭدىنمۇ ئارتۇقتۇر. چۈنكى سەن پۇلى بولسۇن-بولمىسۇن بىر ياشنى تاپالايتتىڭ، لېكىن ئۇنداق قىلمىدىڭ. قىزىم، غەم قىلما! سېنىڭ تەلەپ قىلغانلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى مەن ئورۇنداپ بېرىمەن، چۈنكى شەھەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى سېنىڭ بىر ياخشى ئايال ئىكەنلىكىڭنى بىلىدۇ. مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ يېقىن تۇغقىنىڭ، بىراق بىلگىنكى، ساڭا مەندىنمۇ يېقىن يەنە بىر ئادەم بار. بۈگۈن كېچە بۇ يەردە قال. ئەتە سەھەردە مەن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇنىڭ ساڭا تۇغقانلىق ھەققىنى ئۆتەشنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىقىنى بىلىپ باقاي. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇرچىنى ئادا قىلىپ، سېنى ئالسا، ياخشى بولغىنى؛ ئەگەر خالىمىسا، مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، سېنى ئۆزۈم ئەمرىمگە ئېلىپ، بۇ بۇرچنى ئادا قىلىمەن. ئەمدى سەن تاڭ ئاتقۇچە بۇ يەردە يېتىپ تۇر! _ دېدى. رۇت ئۇنىڭ ئاياغ تەرىپىدە ياتتى. لېكىن تاڭ سۈزۈلۈشتىن بۇرۇن ئورنىدىن تۇردى، چۈنكى بوئاز ئۇنىڭ بۇ يەرگە كەلگەنلىكىنى باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىنى خالىمايتتى. بوئازمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا: _ يېپىنچاڭنى ئېچىپ تۇتۇپ تۇر، _ دېدى. ئۇ شۇنداق قىلدى. بوئاز ئۇنىڭغا ئىككى خالتا دېگۈدەك ئارپىنى ئۇسۇپ، مۈرىسىگە ئارتىپ قويۇپ، ئۆزى شەھەرگە كەتتى. رۇت ئۆيىگە قايتىپ بارغىنىدا، قېينانىسى ئۇنىڭدىن: _ ئىشلىرىڭ قانداق بولدى، قىزىم؟ _ دەپ سورىدى. رۇت بوئازنىڭ ئۆزىگە قىلغانلىرىنى قېينانىسىغا ئېيتىپ بەردى. _ ئۇ مېنى سىزنىڭ ئالدىڭىزغا قۇرۇق قول قايتمىسۇن دەپ، بۇ يېپىنچىدىكى ئارپىنى بەردى، _ دېدى رۇت. نائومى ئۇنىڭغا: _ بۇ ئىشلارنىڭ ئاخىرى چىققۇچە، بۇ جايدا تەخىر قىلىپ تۇرغىن. بوئاز بۈگۈن بۇ ئىشلارنى پۈتكۈزمەي بولدى قىلمايدۇ، _ دېدى. بۇ ئارىدا بوئاز شەھەر دەرۋازىسىغا بېرىپ، ئۇ يەردە ئولتۇردى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆزى ئېيتقان ئەلىمەلەكنىڭ ئەڭ يېقىن تۇغقىنىمۇ ئۇ يەردىن ئۆتۈپ قالدى. بوئاز ئۇنىڭغا: _ بۇرادەر، بۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇر! _ دەپ چاقىردى، ئۇ كېلىپ ئولتۇردى. بوئاز يەنە شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىدىن ئون نەپىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىمۇ بۇ يەردە ئولتۇرغۇزدى. كۆپچىلىك ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ ھېلىقى تۇغقىنىغا: _ بۇرادىرىمىز ئەلىمەلەكنىڭ ئايالى نائومى موئابتىن قايتىپ كېلىپ، ئۆزلىرىگە تەۋە زېمىنىنى ساتماقچى بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا سېنى بۇ ئىشتىن خەۋەرلەندۈرمەكچىدىم. ئەگەر سەن بۇ يەرنى ئېلىشنى خالىساڭ، مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان ئاقساقاللار ۋە خەلقىئالەم ئالدىدا ئالغىن. ئەگەر خالىمىساڭمۇ مەيلى، ئوچۇق ئېيتقىن، بۇنى مېنىڭ بىلىشىم كېرەك، چۈنكى ئالدى بىلەن سېنىڭ ئېلىش ھوقۇقۇڭ بار. ئاندىن كېيىن نۆۋەت ماڭا كېلىدۇ، _ دېدى. ھېلىقى تۇغقىنى: _ ئالىمەن، _ دېدى. بوئاز ئۇنىڭغا: _ خوپ! ئەگەر سەن ئۇ زېمىننى نائومىدىن ئالساڭ، مەرھۇمنىڭ موئابلىق تۇل خوتۇنى رۇتنىمۇ ئېلىپ، مەرھۇمنىڭ نامىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئەۋلاد قالدۇرۇپ، ئەۋلادىغا بۇ يەرنى مىراس قىلىشىڭ كېرەك، _ دېدى. ئۇ كىشى: _ ئۇنداقتا بۇ يەرنى ئېلىش ھوقۇقۇمدىن ۋاز كېچىمەن، چۈنكى بالىلىرىمغا قالىدىغان مىراس بۆلۈنۈپ كېتىدىكەن. سەن ئالغىن! مەن ئالالمايمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى. ئەينى ۋاقىتلاردا ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ مال-مۈلۈك، سودا-سېتىق ئىشلىرىدا مۇنداق بىر ئادەت بار ئىدى. ئۇ بولسىمۇ ساتقۇچى ئۆز كەشىنى يېشىپ، ئالغۇچىغا بېرەتتى. ئۇلار سودا-سېتىقنىڭ پۈتكەنلىكىنى مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ئىپادىلەيتتى. شۇڭا ئۇ كىشى بوئازغا: _ سەن ئالغىن! _ دەپ كەشىنى سېلىپ، بوئازغا بەردى. بوئاز ئۇ يەردىكى ئاقساقاللار ھەم جامائەتكە: _ ئەي جامائەت، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار! بۈگۈن ھەممىڭلار گۇۋاھچى، مەن نائومىدىن ئەلىمەلەكنىڭ مىراسى يەنى كىليون بىلەن ماھلونغا تەۋە بولغان يەر-زېمىنلارنى ئۆزۈمنىڭ ئىلكىمگە ئالىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆلگەن كىشىنىڭ مىراسىغا ۋارىس قالدۇرۇش ئۈچۈن ھەم ئۇنىڭ نامىنىڭ بۇرادەرلىرى ئارىسىدا ئۇنتۇلۇپ قېلىپ، ئۆز يۇرتى ئىچىدە ئۆچمەسلىكى ئۈچۈن، مەرھۇم ماھلوننىڭ ئايالى موئابلىق رۇتنىمۇ ئەمرىمگە ئالىمەن. بۈگۈن سىلەر بۇ ئىشلارغا گۇۋاھچى بولغايسىلەر، _ دېدى. دەرۋازىنىڭ يېنىدىكى ئاقساقاللار ۋە جامائەت: _ شۇنداق، بىز گۇۋاھچىدۇرمىز. پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ ئاياللىرى راھىلە بىلەن لېياھقا نۇرغۇن پەرزەنت بەرگىنىدەك، خوتۇنۇڭ رۇتقىمۇ كۆپ پەرزەنت ئاتا قىلغاي. ئەفراتادا باي بولغايسەن. بەيتلەھەمدە نامىڭ ئىززەت-ئابرۇي تاپقاي. پەرۋەردىگار بۇ ياش ئايالدىن ساڭا نۇرغۇن ئەۋلاد ئاتا قىلغاي، ئۇرۇق-جەمەتىڭنى تامارنىڭ يەھۇداغا تۇغۇپ بەرگەن ئوغلى پارەسنىڭ جەمەتىگە ئوخشاش ئاۋات قىلغاي، _ دەپ دۇئا قىلىشتى. شۇنداق قىلىپ بوئاز رۇتنى ئەمرىگە ئېلىپ، ئۇلار بىر تەكىيىگە باش قويدى. پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرىتى بىلەن رۇت ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. شەھەردىكى ئاياللار نائومىغا: _ پەرۋەردىگارغا مەدھىيىلەر ئوقۇلسۇن! ئۇ بۈگۈن سىزگە تايانچ بولىدىغان بىر نەۋرە ئاتا قىلدى. ئۇنىڭ نامى ئىسرائىلىيەدە ئىززەت-ئابرۇي تاپسۇن. سىز ئۈچۈن يەتتە ئوغۇلدىنمۇ ئەۋزەل كېلىنىڭىز سىزگە ياخشى قارىدى، ھازىر ئۇ سىزگە بىر نەۋرە تۇغۇپ بەردى. بۇ نەۋرىڭىز سىزنىڭ قولىڭىزغا قول، پۇتىڭىزغا پۇت بولۇپ، ياشانغان ۋاقتىڭىزدا تايانچىڭىز بولىدۇ، _ دېيىشتى. نائومى بۇ بالىنى قولىغا ئېلىپ، باغرىغا چىڭ باستى ۋە ئۇنىڭ باققۇچى چوڭ ئانىسى بولدى. قوشنا ئاياللار بەس-بەستە: _ نائومى بىر ئوغۇل نەۋرىلىك بولدى! _ دېيىشىپ، بالىغا ئوبىد دەپ ئات قويدى. ئوبىد بولسا يىشاينىڭ ئاتىسى ئىدى. يىشاي بولسا پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئاتىسى ئىدى. ئەفرايىم تاغلىق رايونىغا جايلاشقان راماتايىم-زوفىم شەھىرىدە بىر كىشى ياشايتتى، ئۇنىڭ ئىسمى ئەلقانا بولۇپ، ئۇ يىروخامنىڭ ئوغلى ئىدى. يىروخام ئەلىھۇنىڭ ئوغلى، ئەلىھۇ تۆھۈنىڭ ئوغلى، تۆھۈ ئەفرايىم قەبىلىسىدىن بولغان زۇفنىڭ ئوغلى ئىدى. ئەلقانانىڭ ھاننا ۋە پىنىننا ئىسىملىك ئىككى ئايالى بولۇپ، ئىككىنچى ئايالى پىنىننادىن پەرزەنتلىرى بار ئىدى، ئەمما ھاننادىن پەرزەنت كۆرمىگەنىدى. ئەلقانا ھەر يىلى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىپ، ئۇنىڭغا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ئۆز شەھىرىدىن شىلو شەھىرىگە ئائىلىسى بىلەن بىللە باراتتى. ئۇ يەردە ئەلىنىڭ ئىككى ئوغلى، خوفنى بىلەن پىنىخاس پەرۋەردىگارغا روھانىيلىق قىلاتتى. ئەلقانا قۇربانلىق قىلغان كۈنى قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى پىنىنناغا ۋە ئۇنىڭ قىز-ئوغۇللىرىغا بىر ئۈلۈشتىن بۆلۈپ بېرەتتى. ھانناغا بولسا قوش ئۈلۈش بېرەتتى. چۈنكى ئەلقانا ئۇنى ياخشى كۆرەتتى. ۋاھالەنكى پەرۋەردىگار ئۇنى تۇغماس قىلىپ قويغانىدى. ھاننانى پەرۋەردىگار تۇغماس قىلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن كۈندىشى پىنىننا ئۇنىڭغا قاتتىق ئازار بېرىپ، خاپا قىلاتتى. بۇنداق قىلىش ئۇزۇن يىل داۋاملاشتى. ھاننا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتگاھىغا ھەر قېتىم بارغىنىدا، پىنىننا ئۇنىڭغا ئازار بېرەتتى. شۇ سەۋەبلىك ئۇ كۆز يېشى قىلاتتى، گېلىدىن غىزامۇ ئۆتمەيتتى. ئېرى ئەلقانا ئۇنىڭغا: _ ھاننا، نېمىشقا كۆز يېشى قىلىسەن؟ نېمىشقا غىزا يېمەيسەن؟ نېمىشقا شۇنچىۋالا غەمكىنسەن؟ مەن سەن ئۈچۈن ئون ئوغۇلدىنمۇ ئارتۇق ئەمەسمۇ؟ _ دەيتتى. ئۇ پەرۋەردىگارغا قەسەم قىلىپ: _ ئى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، بەندەڭنىڭ قايغۇسىغا نەزەر سالغايسەن. مېنى ئېسىڭگە ئالغايسەن، ئۇنتۇمىغايسەن! ئەگەر ماڭا بىر ئوغۇل بەرسەڭ، مەن ئۇنى ئۆمۈرلۈك ساڭا بېغىشلىغان، بېشىغا ئۆمۈرۋايەت ئۇستىرا تەگكۈزمىگەن بولاتتىم، _ دېدى. ھاننا پەرۋەردىگارغا ئۇزاق دۇئا قىلدى. ئەلى بولسا ئۇنىڭ ئاغزىغا سەپسېلىپ تۇراتتى. ھاننا ئىچىدە دۇئا قىلىپ، ئاۋازىنى چىقارمىدى. پەقەت ئۇنىڭ لەۋلىرىلا مىدىرلايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەلى ئۇنى مەست ئىكەن، دەپ ئويلىدى-دە، ئۇنىڭغا: _ قاچانغىچە مەست يۈرىسەن؟ شارابتىن ئۆزۈڭنى تارت! _ دېدى. ھاننا ئۇنىڭغا: _ ياق، ئۇنداق ئەمەس تەقسىر. مەن پەرىشان بىر ئايالمەن. ھاراق-شاراب ئىچمىدىم، پەقەت پەرۋەردىگارغا كۆڭلۈمنى تۆكتۈم. مېنى يامان ئايال دەپ قالمىسىلا، غەم-قايغۇلىرىمنىڭ كۆپلىكىدىن شۇنداق دۇئا قىلدىم، _ دېدى. _ ئامان-ئېسەن قايتقىن. ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا تىلىگىنىڭنى بەرگەي، _ دېدى ئەلى. ھاننا جاۋابەن: _ كۆز ئالدىلىرىدا ئىلتىپات تاپقايمەن، _ دېدى. ئاندىن ئۇ قايتىپ بېرىپ، غىزا يېدى، ئىلگىرىكىدەك غەمكىن بولمىدى. ئەتىسى ئەلقانانىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تاڭ سەھەردە تۇرۇپ، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلغاندىن كېيىن، راماھتىكى ئۆيىگە قايتىپ كېلىشتى. ئەلقانا ئايالى ھاننا بىلەن بىر ئورۇندا ياتقانىدى، پەرۋەردىگار ھاننانىڭ تىلىكىنى ئىجابەت قىلدى. ھاننا ھامىلىدار بولۇپ، ۋاقىت-سائىتى توشقاندا بىر ئوغۇل تۇغدى. «ئۇنى پەرۋەردىگاردىن تىلىۋالدىم» دەپ، ئوغلىنىڭ ئېتىنى سامۇئىل قويدى. شىلو شەھىرىگە بارىدىغان ۋاقىت يەنە كەلدى. ئەلقانا ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ، پەرۋەردىگارغا يىللىق قۇربانلىقىنى ۋە ۋەدە قىلغان قۇربانلىقىنى سۇنغىلى ئۇ يەرگە باردى. بۇ قېتىم ھاننا بارمىدى. ئۇ ئېرىگە: _ بالا ئەمچەكتىن چىققاندىن كېيىن، ئۇنى ئېلىپ بارىمەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بولىدۇ، ئۆمۈرۋايەت شۇ يەردە قالىدۇ، _ دېدى. ئەلقانا ئۇنىڭغا: _ مەيلى، قانداق قىلىشنى ياخشى دەپ بىلسەڭ شۇنداق قىل. بالا ئەمچەكتىن چىققۇچە ئۆيدە تۇرۇپ تۇرغىن. پەرۋەردىگار قەسىمىڭنى ئادا قىلىشىڭغا مەدەت بەرگەي، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ھاننا ئۆيدە قېلىپ، بالىسىنى ئېمىتتى. بالا ئەمچەكتىن چىققاندىن كېيىن، ھاننا ئۇنى شىلوغا ئېلىپ باردى ۋە ئۈچ ياشلىق بىر بۇقا، يېرىم خالتا ئۇن، بىر تۇلۇم شاراب ئالغاچ باردى. ھاننا سامۇئىلنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتگاھىغا ئېلىپ كىردى. بالا تېخى كىچىك ئىدى. بۇقا سويۇلغاندىن كېيىن، ھاننا بىلەن ئەلقانا بالىنى ئەلىنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلدى. ھاننا ئەلىگە: _ تەقسىر، ھايات تۇرغانلىرى گۇۋاھ بولسۇنكى، بۇرۇن بۇ يەردە، يانلىرىدا تۇرۇپ، پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلغان ھېلىقى ئايال مەن بولىمەن. مەن پەرۋەردىگاردىن بالا تىلىگەنىدىم، پەرۋەردىگار تەلىپىمنى ئىجابەت قىلىپ، بۇ بالىنى ماڭا بەردى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلىدىم. ئۇ ئۆمۈرۋايەت پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بولسۇن، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى. ھاننا مەدھىيە ئوقۇپ، مۇنداق دېدى: ئى پەرۋەردىگار، شادلاندۇردىڭ قەلبىمنى، رۇسلىدىڭ قەددىمنى. دۈشمەنلىرىم ئالدىدا ماختىنار بولدۇم، يايرىدىم سەن بەرگەچ نىجاتلىقىڭنى. پەرۋەردىگار بىردىنبىر مۇقەددەستۇر، ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ تەڭدىشىڭ يوقتۇر. خۇدايىمىزدەك پاناھگاھ قورام تاش يوقتۇر. ئارتۇق سۆزلىمەڭلار بېرىلىپ كىبىرلىككە، ئاغزىڭلاردىن چىقمىسۇن تەكەببۇرلۇق سۆزلەر يەنە. چۈنكى پەرۋەردىگار ھەممىنى بىلگۈچى خۇدادۇر، قىلغان ئەمەللەرنى ئۇ تارتار تارازىدا. كۈچلۈكلەرنىڭ يالىرى سۇنار، ئاجىزلار قۇدرەت كەمىرىنى باغلار. ئەمدى نان ئۈچۈن مەدىكاردۇر بۇرۇن توق بولغانلار، بۇنىڭدىن كېيىن ئاچ قالماس، ئاچ قالغانلار. تۇغماس ئايال يەتتىنى تۇغار، كۆپ بالىلىق ئايال ئەمدى مۇسىبەتتە قالار. جاننى ئالغۇچىمۇ، بەرگۈچىمۇ پەرۋەردىگاردۇر، گۆرگە چۈشۈرگۈچىمۇ، ئېلىپ چىققۇچىمۇ ئۇنىڭ ئۆزىدۇر. نامرات قىلغۇچىمۇ، باي قىلغۇچىمۇ پەرۋەردىگاردۇر. پەس قىلغۇچىمۇ، ئېگىزگە كۆتۈرگۈچىمۇ ئۇنىڭ ئۆزىدۇر. ئۇ كۆتۈرۈپ ئالار كەمبەغەلنى چاڭ-توزاندىن، ئېلىپ چىقار يوقسۇلنى ئەخلەت دۆۋىلىرىدىن. ئېسىلزادىلەر ئارىسىدىن جاي بېرىپ ئۇلارغا، مۇيەسسەر قىلار ئۇلارنى شان-شۆھرەت ئورنىغا. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭكىدۇر زېمىننىڭ ئۇللىرى، ئۇ قويغاندۇر ئۇلارنىڭ ئۈستىگە دۇنيانى. ئۇ ئۆز تەقۋادارلىرىنىڭ يوللىرىنى قوغدار، نۇسرەت تاپالماس ئىنسان ئۆز قۇدرىتى بىلەن، يامانلار قاراڭغۇلۇقتا جىمىقتۇرۇلار. پەرۋەردىگارغا قارشىلىق قىلغۇچىلار بىتچىت قىلىنار، ئۇ ئۆزى ئاسماندىن ئۇلارغا چاقماق چۈشۈرەر. پەرۋەردىگار پۈتكۈل دۇنياغا ھۆكۈم چىقىرار. ئۆزى تىكلىگەن پادىشاھقا كۈچ ئاتا قىلار، ئۆزى تاللىغان پادىشاھنىڭ قۇدرىتىنى ئاشۇرار. كېيىن ئەلقانالار راماھقا قايتىپ كەتتى. لېكىن بالا سامۇئىل پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇش ئۈچۈن روھانىي ئەلىنىڭ ھۇزۇرىدا قالدى. ئەلىنىڭ ئوغۇللىرى ئوسال بولۇپ، پەرۋەردىگارغا بىپەرۋا ئىدى. ئۇلار روھانىيلارنىڭ قۇربانلىق قىلىنغان گۆشنى ئېلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە بويسۇنماي، ئۆز خاھىشى بويىچە ئىش قىلاتتى. بىر كىشى قۇربانلىق قىلسا، گۆش تېخى داش قازاندا قايناۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۈچ چىشلىق ئارا تۇتۇپ كېلىپ، ئۇنى گۆشكە سانجىپ، ئارىغا نېمە ئېلىنسا، شۇنى «روھانىيغا تەۋە» دەپ ئېلىپ كېتەتتى. مانا بۇ ئۇلارنىڭ شىلوغا قۇربانلىق قىلغىلى كەلگەن ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسىگە قىلغانلىرى ئىدى. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، ھەتتا قۇربانلىقنىڭ يېغى كۆيدۈرۈلمەي تۇرۇپلا، ئۇلارنىڭ خىزمەتكارى كېلىپ، قۇربانلىق قىلغۇچىغا: «روھانىيغا كاۋاپ قىلىش ئۈچۈن گۆش بەر، ئۇ سەندىن سۇدا پىشۇرۇلغان گۆشنى ئەمەس، بەلكى خام گۆشنى ئېلىشنى خالايدۇ» دەيتتى. ئەگەر قۇربانلىق قىلغۇچى: «ئالدى بىلەن يېغى كۆيدۈرۈلسۇن، ئاندىن كېيىن خالىغىنىڭچە ئېلىۋەر!» دېسە، ئۇلارنىڭ خىزمەتكارى: «ياق، ھازىرلا بەر! بولمىسا بۇلاپ ئالىمەن!» دەيتتى. ئەلىنىڭ بۇ ئىككى ئوغلىنىڭ گۇناھى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تولىمۇ ئېغىر ئىدى. چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارغا سۇنۇلغان قۇربانلىققا شۇنداق ھۆرمەتسىزلىك قىلىشاتتى. ئۇ چاغدا سامۇئىل تېخى بالا ئىدى. ئۇ كەندىر رەختتىن تىكىلگەن روھانىيلىق تونىنى كىيىپ، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى. ئانىسى ئۇنىڭغا ھەر يىلى بىر كىچىك چاپان تىكىپ، ئېرى بىلەن يىللىق قۇربانلىق قىلىشقا بارغىنىدا ئالغاچ باراتتى. ئەلى ئەلقانا ۋە ئۇنىڭ ئايالىغا بەخت تىلەپ، ئەلقاناغا: _ پەرۋەردىگاردىن تىلەپ ئالغان ھەم ئۇنىڭغا بېغىشلىغان ئوغلۇڭنىڭ ئورنىغا، پەرۋەردىگار بۇ ئايالىڭدىن ساڭا پەرزەنتلەر ئاتا قىلغاي، _ دەيتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئۆيىگە قايتاتتى. پەرۋەردىگار ھانناغا غەمخورلۇق قىلغاچقا، ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، ئۈچ ئوغۇل، ئىككى قىز تۇغدى. بالا سامۇئىل بولسا پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، كۈندىن-كۈنگە چوڭ بولدى. ئەلى ناھايىتى قېرىپ كەتكەنىدى. ئۇ ئىككى ئوغلىنىڭ ئىسرائىل خەلقىگە قىلغان ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى، ھەتتا ئۇلارنىڭ «پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرى» ئالدىدا خىزمەت قىلىدىغان ئاياللار بىلەن بىر ئورۇندا ياتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇراتتى. ئەلى ئۇلارغا: _ سىلەر نېمىشقا بۇنداق ئىشلارنى قىلىسىلەر؟ ھەممەيلەندىن سىلەرنىڭ قىلغان ئەسكىلىكىڭلارنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمەن. ئەي ئوغۇللىرىم، بۇنداق قىلماڭلار! مېنىڭ قۇلىقىمغا يەتكەن، پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن بۇ خەۋەرلەر ياخشى ئەمەس! ئەگەر بىر كىشى يەنە بىر كىشىگە قارشى گۇناھ ئۆتكۈزسە، خۇدا ئۇنىڭغا مۇرەسسەچى بولىدۇ. لېكىن بىر كىشى پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزسە، ئۇنىڭغا كىممۇ مۇرەسسەچى بولالىسۇن؟ _ دېدى. لېكىن ئۇلار ئاتىسىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆلتۈرۈۋېتىلىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئىدى. بالا سامۇئىل كۈندىن-كۈنگە پەرۋەردىگارنىڭ ۋە كىشىلەرنىڭ زوقىنى كەلتۈرۈپ، چوڭ بولدى. بىر كۈنى بىر پەيغەمبەر ئەلىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار دەيدۇكى: «ئىسرائىللار مىسىر پادىشاھىغا قۇل بولۇپ يۈرگەندە، مەن ئەجدادىڭ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق-جەمەتىگە ئۆزۈمنى زاھىر قىلغانىدىم. مەن ئۇلارنى ئىسرىق كۆيدۈرۈپ، قۇربانلىق سۇپامدا قۇربانلىق قىلسۇن، ئالدىمدا ئېفود كىيىمىنى كىيىپ ماڭا روھانىي بولسۇن دەپ، ئىسرائىللارنىڭ بارلىق قەبىلىلىرى ئىچىدىن تاللىۋالمىغانمىدىم؟ شۇنىڭدەك ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا ئۇلارنىڭ ئۈلۈشى بولسۇن دەپ، ئىسرائىللارنىڭ ھەممە قۇربانلىقلىرىدىن بەرمىگەنمىدىم؟ شۇنداق ئىكەن، يەنە نېمە ئۈچۈن تەلىپىم بويىچە ئىبادەتگاھىمدا قىلىنغان قۇربانلىق ۋە ھەدىيەلەرنى دەپسەندە قىلىسىلەر؟ ئەلى، سەن نېمىشقا ئوغۇللىرىڭنى مەندىن ئارتۇق كۆرىسەن؟ نېمە ئۈچۈن خەلقىم سۇنغان قۇربانلىقلارنىڭ ياخشى يەرلىرىنى ئېلىپ كېتىپ، ئۆزۈڭلارنى سەمرىتىسىلەر؟!» ئەمدى پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇكى: «ھەقىقەتەنمۇ ئۇرۇقۇڭدىن ۋە ئەجدادىڭ ئۇرۇقىدىن بولغانلارنىڭ مەڭگۈ روھانىي بولۇپ خىزمىتىمدە بولۇشىنى ئېيتقانىدىم. بىراق مەن پەرۋەردىگار ھازىر شۇنى ئېيتىمەنكى، ئەمدى بۇنداق بولمايدۇ. مېنى ھۆرمەتلىگەنلەرنى ئىززەتلەيمەن، مېنى كەمسىتكەنلەر خورلۇقتا قالىدۇ. مانا، شۇنداق كۈنلەر يېقىنلاشماقتا: ئاتاڭنىڭ ئۇرۇقىدىن بولغانلارنى ئەجىلىدىن بالدۇر ھالاك قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇقۇڭدىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان ئادەم چىقمايدۇ. مېنىڭ ئىبادەتگاھىمدا قايغۇلۇق ئىشلارنى كۆرىسەن. گەرچە مېنىڭ شاپائىتىم ئىسرائىللارغا ياغدۇرۇلغان بولسىمۇ، سېنىڭ ئۇرۇقۇڭدىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان كىشى چىقمايدۇ. ئەۋلادىڭدىن بىرسىنى ماڭا روھانىيلىق قىلىشقا قالدۇرىمەن. لېكىن ئۇنىڭ كۆزىدىن ياش قۇرۇمايدۇ، قايغۇدا ئۆتىدۇ. ئەۋلادلىرىڭنىڭ ھەممىسى ياش كېتىدۇ. ئىككى ئوغلۇڭ خوفنى بىلەن پىنىخاس بىر كۈندە ئۆلىدۇ. بۇ ساڭا ئېيتقانلىرىمنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالسۇن. مەن ئۆزۈمگە سادىق بىر روھانىي تەيىنلەيمەن. ئۇ خاھىشىم ۋە ئىرادەم بويىچە ماڭا خىزمەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەۋلادىنى روھانىيلىق قىلىشقا باقىي قىلىمەن. ئۇلار مەن تاللىغان پادىشاھ ئالدىدا مەڭگۈ خىزمەت قىلىدۇ. سېنىڭ ئەۋلادىڭ ئىچىدە ھايات قالغان كىشىلەر بىر كۈمۈش تەڭگە ياكى بىر بۇردا نان ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇلارغا تەزىم قىلىپ، ‹ئۆتۈنۈپ قالاي، يېمەك-ئىچمىكىم ئۈچۈن روھانىيلار قىلىدىغان بىرەر ئىش بولسا بەرسىڭىز› دەپ يالۋۇرىدىغان بولىدۇ.» بالا سامۇئىل ئەلىنىڭ كۆز ئالدىدا پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىپ يۈرگەنىدى. ئۇ چاغلاردا پەرۋەردىگاردىن كەلگەن ۋەھىيلەر ۋە غايىبانە ئالامەتلەر كەم ئىدى. بىر كۈنى كەچتە كۆزلىرى ناھايىتى خىرەلىشىپ كەتكەن ئەلى ئۆز ئورنىدا ياتاتتى. پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتگاھىدىكى چىراغ تېخى يېنىپ تۇراتتى. سامۇئىلمۇ ئىبادەتگاھتا ياتاتتى، ئەھدە ساندۇقى بولسا شۇ يەردە ئىدى. شۇ ئەسنادا پەرۋەردىگار سامۇئىلنى چاقىردى. _ لەببەي، مانا مەن، _ دەپ جاۋاب بەردى سامۇئىل ۋە ئەلىنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ كەلدى، _ مېنى چاقىرغانىدىڭىز، مانا مەن! _ دېدى. _ ياق، سېنى مەن چاقىرمىدىم، قايتقىن، بېرىپ جايىڭدا يات، _ دېدى ئەلى. سامۇئىل قايتىپ بېرىپ ياتتى. پەرۋەردىگار يەنە: _ سامۇئىل! _ دەپ چاقىردى. سامۇئىل يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەلىنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە: _ مېنى چاقىرغانىدىڭىز، مانا مەن! _ دېدى. _ چاقىرمىدىم بالام، قايتقىن، بېرىپ جايىڭدا يات، _ دېدى ئۇ. شۇ چاغقىچە پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىيسى سامۇئىلغا تېخى ئايان بولمىغاچقا، ئۇ پەرۋەردىگارنى تونۇمايتتى. پەرۋەردىگار سامۇئىلنى ئۈچىنچى قېتىم چاقىردى. ئۇ يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ ئەلىنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە: _ مېنى چاقىرغانىدىڭىز، مانا مەن! _ دېدى. ئەلى شۇ چاغدا، بۇ بالىنى پەرۋەردىگارنىڭ چاقىرىۋاتقانلىقىنى بىلىپ يەتتى. ئەلى سامۇئىلغا: _ بېرىپ، جايىڭدا يات، ئەگەر يەنە چاقىرسا، سەن: «ئى پەرۋەردىگار، سۆز قىل، قۇلۇڭنىڭ قۇلىقى سەندە!» دېگىن، _ دېدى. سامۇئىل بېرىپ ئۆز ئورنىدا ياتتى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ، بايىقىدەك: _ سامۇئىل! سامۇئىل! _ دەپ چاقىردى. _ سۆز قىل، قۇلۇڭنىڭ قۇلىقى سەندە! _ دەپ جاۋاب بەردى سامۇئىل. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سامۇئىل، مەن ئىسرائىللار ئىچىدە شۇنداق بىر ئىش قىلماقچىمەنكى، ئۇنى ئاڭلىغۇچىلار ھاڭ-تاڭ قالىدۇ. شۇ چاغدا مەن ئەلىنىڭ ئائىلىسى توغرىسىدا ئېيتقان سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسىنى باشتىن-ئاخىرىغىچە ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. مەن ئۇنىڭ ئائىلىسىنى مەڭگۈ جازالايدىغانلىقىمنى ئۇنىڭغا ئېيتقانىدىم. چۈنكى ئۇ ئوغۇللىرىنىڭ ئېغىر گۇناھلىرىدىن خەۋەردار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ماڭا كۇپۇرلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇقلۇق، ئۇلارنى توسمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئەلىنىڭ ئائىلىسى توغرۇلۇق قەسەم قىلدىمكى، ئەلىنىڭ ئائىلىسىنىڭ گۇناھلىرى ھەرقانداق قۇربانلىق ۋە ھەدىيەلەر بىلەنمۇ مەڭگۈ كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ، _ دېدى. سامۇئىل تاڭ ئاتقۇچە ئورنىدا يېتىپ، ئاندىن تۇردى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتگاھىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئاچتى. ئۇ بۇ ۋەھىينى ئەلىگە ئېيتىشتىن قورقتى. ئەلى ئۇنى: _ ئى ئوغلۇم سامۇئىل! _ دەپ چاقىردى. _ لەببەي، مانا مەن! _ دەپ جاۋاب بەردى سامۇئىل. ئەلى ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگار ساڭا نېمىلەرنى دېدى؟ مەندىن يوشۇرما. ئەگەر ھەممىسىنى ئېيتمىساڭ، خۇدا سېنى ئېغىر جازالىغاي! _ دېدى. شۇڭا سامۇئىل ھېچنېمىنى يوشۇرماي، ئۆز ئەينى بويىچە ئېيتىپ بەردى. ئەلى ئۇنىڭغا: _ ئۇ پەرۋەردىگاردۇر، ئۇنىڭ ئىرادە قىلغىنى ئەمەلگە ئاشقاي، _ دېدى. سامۇئىل چوڭ بولغانسېرى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يار بولۇپ، ئۇ ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن سۆزلىرىنىڭ ھېچبىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرماي قويمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدىكى دان شەھىرىدىن، جەنۇبىدىكى بەئەرشەبا شەھىرىگىچە بولغان زېمىندا ياشايدىغان پۈتكۈل ئىسرائىللار سامۇئىلنىڭ ھەقىقەتەن پەرۋەردىگار تاللىغان پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى. پەرۋەردىگار شىلودا ئۆزىنى داۋاملىق ئاشكارا قىلدى، يەنى ئۆزىنى ئۆز سۆزى بىلەن سامۇئىلغا ئايان قىلدى. بۇنىڭ بىلەن سامۇئىل پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىيسىنى پۈتكۈل ئىسرائىللارغا يەتكۈزدى. ئۇ چاغلاردا فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللارغا ھۇجۇم قىلغانىدى، ئىسرائىللار ئۇلارغا قارشى جەڭگە ئاتلاندى. ئىسرائىللار ئەبەنەزەر دېگەن يەردە، فىلىستىيەلىكلەر ئافېق دېگەن يەردە بارگاھ تىكىشتى. فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللارغا قارشى سەپ تۈزۈپ جەڭگە ئاتلىنىپ، بىر مەيدان شىددەتلىك ئېلىشىشتىن كېيىن ئىسرائىللارنى مەغلۇپ قىلدى، نەق مەيداندا ئۇلارنىڭ قوشۇنىدىن تۆت مىڭغا يېقىن ئادەمنى ئۆلتۈردى. مەغلۇپ بولغان لەشكەرلەر بارگاھقا قايتىپ كەلگەن چاغدا، ئىسرائىل ئاقساقاللىرى: _ نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگار بۈگۈن بىزنىڭ فىلىستىيەلىكلەرگە مەغلۇپ بولۇشىمىزغا يول قويدى؟ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى شىلودىن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلەيلى، ئۇ بىزنىڭ ئارىمىزدا بولسا، بىزنى دۈشمەنلىرىمىزدىن قۇتقۇزىدۇ، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىرنەچچە ئادەم شىلوغا ئەۋەتىلدى، ئۇلار ئىككى «كېرۇب »نىڭ ئارىسىدىكى «مېھىر-شەپقەت تەختى»دە ئولتۇرغان قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ كەلدى. ئەلىنىڭ ئىككى ئوغلى خوفنى بىلەن پىنىخاسمۇ شۇ يەرگە ئەھدە ساندۇقى بىلەن بىللە كەلدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى بارگاھقا يېتىپ كەلگەندە، پۈتۈن ئىسرائىللار يەرنى تەۋرەتكۈدەك كۈچلۈك چۇقان كۆتۈرۈشتى. فىلىستىيەلىكلەر چۇقاننى ئاڭلاپ: _ ئىبرانىيلارنىڭ بارگاھىدا نېمە ئۈچۈن بۇنچىلىك قاتتىق چۇقان كۆتۈرۈلۈپ كەتتى؟ _ دەپ ھەيران قېلىشتى. كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ بارگاھقا ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى بىلىپ، قورقۇپ كېتىشتى. ئۇلار: _ ئىلاھلىرى ئۇلارنىڭ بارگاھىغا كەپتۇ، ھالىمىزغا ۋاي! بىز بۇرۇن ھېچقاچان بۇنداق ئىشقا يولۇقۇپ باقمىغانىدۇق! ئەمدى بىزنى كىممۇ بۇ قۇدرەتلىك ئىلاھلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزالايدۇ؟ چۆل-باياۋاندا مىسىرلىقلارنى تۈرلۈك بالايىئاپەتلەر بىلەن ئۇرغانلار ئاشۇ ئىلاھلار ئەمەسمىدى؟ قېنى، فىلىستىيەلىكلەر، ئەركەكتەك باتۇر بولايلى! ئۇنداق بولمىسا، ئىبرانىيلارنىڭ بىزگە قۇل بولغىنىغا ئوخشاش، ئەمدى بىز ئۇلارنىڭ قۇلى بولىمىز. شۇنداق ئىكەن، ئەركەكتەك جەڭ قىلايلى! _ دېيىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن فىلىستىيەلىكلەر قاتتىق ھۇجۇم قىلىپ، ئىسرائىللارنى مەغلۇپ قىلدى، قىرغىن قىلىش شۇنداق قاتتىق بولدىكى، 30 مىڭ ئىسرائىلىيە لەشكىرىنىڭ ئۆلۈكى جەڭگاھتا قالدى. ھايات قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆيلىرىگە قېچىپ كېتىشتى. پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى دۈشمەننىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى، ئەلىنىڭ ئىككى ئوغلى خوفنى بىلەن پىنىخاسمۇ ئۆلتۈرۈلدى. بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بىر ئادەم جەڭگاھتىن قېچىپ، شۇ كۈنىلا شىلوغا يېتىپ كەلدى. ئۇ قايغۇدىن كىيىمىنى يىرتىپ، بېشىغا توپا چاچقانىدى. شۇ چاغدا ئەلى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىدىن غەم قىلىپ، يۈرىكى ئېغىپ، يول بويىدىكى ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇپ خەۋەر كۈتۈۋاتقانىدى. ھېلىقى ئادەم شەھەرگە كىرىپ يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئېيتىپ بەرگەندە، پۈتكۈل خەلق داد-پەرياد كۆتۈردى. ئەلى چۇقان-سۈرەننى ئاڭلاپ: _ نېمىشقا بۇنچىلىك چۇقان سالىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى. ھېلىقى ئادەم «بولغان ۋەقەدىن ئەلىنى خەۋەردار قىلىپ قوياي» دەپ، دەرھال ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. ئەلى ئۇ چاغدا توقسان سەككىز ياشتا بولۇپ، كۆزلىرى كۆرەلمەيتتى. ھېلىقى ئادەم ئەلىگە: _ مەن جەڭ مەيدانىدىن كەلگەنمەن، ئۇ يەردىن بۈگۈن قېچىپ كەلدىم، _ دېدى. _ نېمە بولدى، ئوغلۇم؟ _ دەپ سورىدى ئەلى. خەۋەر ئەكەلگەن ئادەم مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىللار فىلىستىيەلىكلەرگە مەغلۇپ بولدى، لەشكەرلەردىن نۇرغۇنلىرى ئۆلتۈرۈلدى، سىزنىڭ ئوغۇللىرىڭىز خوفنى بىلەن پىنىخاسمۇ ئۆلدى. خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىمۇ قولدىن كەتتى. گەپ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۈستىدە بولغاندا، ئەلى ئورۇندۇقىدىن ئارقىسىچە ئۇچۇپ كەتتى-دە، قېرىلىقى ۋە سېمىزلىكىدىن بوينى ئۈزۈلۈپ، شۇ زامان جان بەردى. ئۇ ئىسرائىللارغا قىرىق يىل يېتەكچىلىك قىلغانىدى. ئەلىنىڭ كېلىنى، يەنى پىنىخاسنىڭ خوتۇنى ھامىلىدار بولۇپ، كۆز يورۇشىغا ئاز قالغانىدى. «پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى قولدىن كەتتى، ئېرىڭ بىلەن قېيىنئاتاڭ ئۆلدى» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاش بىلەنلا، ئۇنىڭ تولغىقى قاتتىق تۇتۇپ، زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ بوشاندى. ئۇ جان ئۈزەي دەپ قالغاندا، ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرغان ئاياللار ئۇنىڭغا: _ قورقما، ئوغۇل تۇغدۇڭ، _ دېيىشتى، لېكىن ئۇ بۇنىڭغا ئېتىبار بەرمىدى، جاۋابمۇ قايتۇرمىدى. خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ قولدىن كەتكەنلىكى، قېيىنئاتىسى ۋە ئېرىنىڭ ئۆلگەنلىكىدىن ئۇ: «شان-شەرەپ ئىسرائىلىيەدىن كەتتى» دەپ، بالىسىغا ئىكابود دېگەن ئىسىمنى قويدى. _ شان-شەرەپ ئىسرائىلىيەدىن كەتتى، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى قولدىن كەتتى، _ دېدى ئۇ. فىلىستىيەلىكلەر خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئۇنى ئەبەنەزەردىن ئاشدود شەھىرىگە ئېلىپ كەلدى. شۇ يەردە ئۇنى داگوننىڭ بۇتخانىسىغا ئېلىپ كىرىپ، داگون دېگەن بۇتنىڭ يېنىغا قويدى. ئاشدودلۇقلار ئەتىسى سەھەردە، داگوننىڭ يۈزىچىلاپ يەرگە يىقىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا ياتقانلىقىنى كۆردى. ئۇلار داگوننى ئېلىپ، جايىغا تۇرغۇزۇپ قويدى. ئىككىنچى كۈنى سەھەردە ئۇلار يەنە داگوننىڭ ئوخشاشلا پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا يۈزىچىلاپ يەرگە يىقىلىپ ياتقانلىقىنى كۆردى. بىراق بۇ قېتىم داگوننىڭ بېشى بىلەن ئىككى قولى سۇنغان ھالدا بوسۇغىدا تۇراتتى، پەقەت گەۋدىسىلا پۈتۈن قالغانىدى. شۇ سەۋەبلىك تا ھازىرغىچە داگون روھانىيلىرى ۋە ئۇنىڭ بۇتخانىسىغا كىرگۈچىلەر ئاشۇ بوسۇغىنى دەسسىمەيدۇ. پەرۋەردىگارنىڭ جازاسى ئاشدود ئاھالىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-قىشلاق ئاھالىسىنىڭ بېشىغا چۈشتى. ئۇ ئۇلارغا ئازاب سېلىپ، ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىنى ئۆسمە بىلەن قاپلاتتى. بۇلارنى كۆرگەن ئاشدودلۇقلار: _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى بىزدە تۇرمىسۇن. چۈنكى ئۇ بىزنى ۋە ئىلاھىمىز داگوننى قاتتىق جازالىدى، _ دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ھەممە بەگلىرىنى چاقىرتىپ جەم قىلىپ، ئۇلاردىن: _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قانداق قىلساق بولار؟ _ دەپ مەسلىھەت سوراشتى. _ ئۇ گاتقا يۆتكىۋېتىلسۇن! _ دەپ جاۋاب بېرىشتى ئۇلار. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى گات شەھىرىگە يۆتكىدى. ئەمما ئۇلار ئۇنى يۆتكىگەندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ ئېغىر جازاسى ئۇ يەردىكىلەرنىڭمۇ بېشىغا چۈشتى، پۈتۈن شەھەرنى ۋەھىمە باستى. پەرۋەردىگار شەھەر ئاھالىسىنىڭ قېرى-ياش ھەممىسىنى ئۆسمە بىلەن جازالىدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئەقرون شەھىرىگە يۆتكىدى. خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۇ يەرگە ئېلىپ كېلىنگەندە، ئەقرونلۇقلار: _ ئۇلار بىزنى ۋە پۈتكۈل خەلقىمىزنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئەكېلىشتى، _ دەپ داد-پەرياد كۆتۈرۈپ كېتىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ھەممە بەگلىرىنى يەنە چاقىرتىپ جەم قىلىپ، ئۇلارغا: _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بۇ يەردىن ئۆز تەۋەلىكىگە ئاپىرىۋېتىڭلار! بولمىسا ئۇ بىزنىڭمۇ، خەلقىمىزنىڭمۇ جېنىغا زامىن بولىدۇ، _ دېيىشتى. خۇدا نۇرغۇن ئادەملەرنى ھالاك قىلغانىدى، پۈتۈن شەھەردە ئۆلۈم ۋەھىمىسى ھۆكۈم سۈرگەنىدى. ئۆلمەي قالغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆسمە كېسىلىنىڭ ئازابىنى تارتتى. شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئاھ-پەريادلىرى كۆككە كۆتۈرۈلدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ زېمىنىدا يەتتە ئاي تۇرغاندىن كېيىن، ئۇلار روھانىيلىرى بىلەن پالچىلىرىنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇلاردىن: _ بىز پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قانداق قىلساق بولار؟ ئۇنى ئۆز جايىغا قانداق قايتۇرىمىز؟ يول كۆرسىتىڭلار، _ دەپ ياردەم سورىدى. روھانىيلىرى بىلەن پالچىلىرى مۇنداق جاۋاب بەردى: _ ئەگەر ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قايتۇرۇپ بېرىدىغان بولساڭلار، ئەلۋەتتە قۇرۇق قايتۇرماي، پەرۋەردىگارغا ئەيىبىڭلارنى يۇيىدىغان ئەيىب قۇربانلىقىنى قوشۇپ بېرىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، شىپالىق تاپىسىلەر ۋە ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن سىلەرنى توختىماي جازالىغانلىقىنى بىلىپ قالىسىلەر. _ قانداق ئەيىب قۇربانلىقىنى بەرسەك بولار؟ _ دەپ سوراشتى فىلىستىيەلىكلەر. ئۇلار مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىشتى: _ ئەيىب قۇربانلىقى ئۈچۈن، سىلەر ئۆز بېگىڭلارنىڭ سانىغا ماس ھالدا ئالتۇندىن بەش دانە ئۆسمە ۋە بەش چاشقان قۇيدۇرۇڭلار. چۈنكى ئوخشاش بالايىئاپەت سىلەرگىمۇ، سىلەرنىڭ بېگىڭلارغىمۇ كەلدى. سىلەر جەزمەن ئۆسمىلەر ۋە يۇرتۇڭلاردا ۋەيرانچىلىق چىقارغان چاشقانلارنىڭ شەكلىدىكى مودېللارنى قۇيدۇرۇڭلار ۋە شۇ تەرىقىدە ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ئىززەت-ھۆرمىتىڭلارنى بىلدۈرۈڭلار. ئەنە شۇنداق قىلساڭلار، بەلكىم ئۇ سىلەرگە، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلارغا ۋە يۇرتۇڭلارغا كەلگەن بالايىئاپەتنى توختىتار. سىلەرنىڭ مىسىر پادىشاھى ۋە مىسىرلىقلاردەك جاھىللىق قىلىشىڭلارنىڭ نېمە ھاجىتى؟ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئۇلارغا قاتتىق قوللۇق قىلغاندىن كېيىنلا، ئۇلار ئىسرائىللارنى قويۇپ بەرگەن ئەمەسمىدى؟ شۇندىلا ئىسرائىللار مىسىردىن ئايرىلغان ئەمەسمىدى؟ ئەمدى يېڭى بىر ھارۋا ۋە يېقىندىلا موزايلىغان، بويۇنتۇرۇق سېلىنىپ باقمىغان ئىككى ئىنەكنى تەييارلاپ، ئۇلارنى ھارۋىغا قېتىڭلار، موزايلىرىنى ئايرىپ ئۆيدە ئېلىپ قېلىڭلار. پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ھارۋىغا بېسىپ، يېنىغا ئەيىب قۇربانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئاتالغان ئالتۇن مودېللار قاچىلانغان ساندۇقنى قويۇڭلار، ھارۋىغا قوشۇلغان ئىنەكلەرنى يولغا قويۇپ بېرىڭلار. ئاندىن قاراپ تۇرۇڭلار، ئەگەر ھارۋا بەيت-شەمەش شەھىرىگە بارىدىغان يول بىلەن ماڭسا، بۇ بالايىئاپەتنى ئەۋەتكۈچى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدادۇر، دەپ بىلىمىز؛ ئەگەر ھارۋا ئۇ يول بىلەن ماڭمىسا، دېمەك، بىزنى جازالىغۇچى ئۇ ئەمەس، بەلكى بۇ بىر تاسادىپىيلىقتۇر، دەپ بىلىمىز. فىلىستىيەلىكلەر ھەممىنى ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك قىلدى. يېقىندىلا موزايلىغان، بويۇنتۇرۇق سېلىنىپ باقمىغان ئىككى ئىنەكنى ھارۋىغا قېتىپ، موزايلىرىنى ئۆيگە سولاپ قويدى. ئۇلار ئەھدە ساندۇقىنى ھارۋىغا باستى، ئۆسمىلەر بىلەن چاشقانلارنىڭ ئالتۇندىن قۇيۇلغان مودېللىرى سېلىنغان ساندۇقنى ئۇنىڭ يېنىغا قويدى. ئىنەكلەر بەيت-شەمەشكە بارىدىغان يولغا چۈشۈپ، يا سولغا، يا ئوڭغا بۇرۇلماي، ياكى توختىماي، مۆرىگەن پېتى ئۇدۇل ماڭدى. فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەش بېگىمۇ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن تاكى بەيت-شەمەش چېگراسىغىچە كەلدى. بەيت-شەمەش ئاھالىسى جىلغىدا ئورما ئورۇۋاتاتتى. ئۇلار باشلىرىنى كۆتۈرگەندە ئەھدە ساندۇقىنى كۆرۈپ، شادلىققا چۆمدى. ھارۋا بەيت-شەمەشلىك يوشۇۋانىڭ ئېتىزىغا كېلىپ، چوڭ بىر قورام تاشنىڭ يېنىدا توختىدى. ئاھالىلەر ھارۋىنى ئوتۇن قىلىپ يېرىپ، ئىنەكلەرنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بوغۇزلاپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى. لاۋىيلار ھارۋىدىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى بىلەن ئالتۇن مودېللار قاچىلانغان ساندۇقنى چۈشۈرۈپ، ھېلىقى قورام تاشنىڭ ئۈستىگە قويدى. شۇ كۈنى بەيت-شەمەش ئاھالىسى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن باشقا قۇربانلىقلارنى كەلتۈرۈشتى. فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەش بېگى ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى كۆرۈپ بولۇپ، شۇ كۈنىلا ئەقرونغا قايتىپ كەتتى. فىلىستىيەلىكلەرنىڭ پەرۋەردىگارغا ئەيىب قۇربانلىقى قىلىپ ئاتىغان ئۆسمە مودېللىرىنىڭ بىرى ئاشدود، بىرى گازا، بىرى ئاشقىلون، بىرى گات ۋە بىرى ئەقرون ئۈچۈن ئىدى. ئالتۇن چاشقانلارنىڭ سانى بولسا فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەش بېگىگە تەۋە سېپىللىرى مۇستەھكەم شەھەرلەر ۋە ئۇلارغا تەۋە يېزا-قىشلاقلارنىڭ سانى بىلەن باراۋەردۇر. بەيت-شەمەشلىك يوشۇۋانىڭ ئېتىزىدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى قويۇلغان ھېلىقى چوڭ قورام تاش تاكى ھازىرغىچە بۇ ئىشلارغا گۇۋاھ بولۇپ، ئۆز ئورنىدا تۇرماقتا. پەرۋەردىگار بەيت-شەمەشلىكلەردىن يەتمىش كىشىنىڭ جېنىنى ئالدى. چۈنكى ئۇلار ئۆز مەيلىچە ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىچىگە قارىدى. ئاھالىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزلىرىنى شۇنچە قاتتىق ئۇرغانلىقىغا قايغۇرۇپ ھازا ئېچىشتى. بەيت-شەمەشلىكلەر: «پەرۋەردىگار، يەنى بۇ مۇقەددەس بولغان خۇدانىڭ ئالدىدا كىممۇ تۇرالار؟ ئەھدە ساندۇقى ئەمدى بۇ يەردىن قەيەرگە ئاپىرىلىشى كېرەك؟» دەپ نالە-پەرياد قىلىشتى. ئاخىرى ئۇلار قىريات-يىئارىم شەھىرىدىكى كىشىلەرگە ئەلچى ئەۋەتىپ: _ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى فىلىستىيەلىكلەر قايتۇرۇپ بەردى، ئەمدى بۇ يەرگە كېلىپ، ئۇنى ئېلىپ كېتىڭلار! _ دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن قىريات-يىئارىم شەھىرىدىكى كىشىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ، كىچىكرەك بىر تاغ ئۈستىگە سېلىنغان ئابىنادابنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ساقلىسۇن دەپ، ئۇلار ئابىنادابنىڭ ئوغلى ئەلئازارنى پاكلاپ، شۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۇزاق ۋاقىت، يەنى يىگىرمە يىل قىريات-يىئارىم شەھىرىدە تۇرۇپ قالدى. بۇ مەزگىلدە پۈتۈن ئىسرائىللار ھەسرەت ئىچىدە پەرۋەردىگارغا ئىنتىزار بولۇپ تۇردى. سامۇئىل ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى: _ ئەگەر سىلەر چىن قەلبىڭلاردىن پەرۋەردىگارغا قايتا يېقىنلىشىشنى نىيەت قىلساڭلار، يات قوۋملارنىڭ ئىلاھلىرى ۋە ئاشتورەت دېگەن ئايال ئىلاھنىڭ بۇتلىرىدىن ئادا-جۇدا بولۇڭلار. ئۆزۈڭلارنى تەلتۆكۈس پەرۋەردىگارغا ئاتاڭلار، ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلارلا، ئۇ سىلەرنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار بائال بىلەن ئاشتورەتنىڭ بۇتلىرىنى تاشلاپ، پەقەت پەرۋەردىگارغىلا ئىبادەت قىلدى. شۇ چاغدا سامۇئىل ئۇلارغا: _ پۈتۈن ئىسرائىللار، مىزپاھقا يىغىلىڭلار، مەن ئۇ يەردە سىلەر ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلاي، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ پۈتۈن خەلق مىزپاھ شەھىرىگە يىغىلدى. ئۇلار قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا تۆكۈپ، كۈنبويى روزا تۇتۇپ، «پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ قىلدۇق» دەپ ئىقرار قىلىشتى. سامۇئىل ئىسرائىللارغا يېتەكچىلىك قىلىشنى مىزپاھ شەھىرىدە باشلىدى. فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ھېلىقى بەش بېگى ئىسرائىللارنىڭ مىزپاھقا يىغىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، لەشكەر تارتىپ ھۇجۇم قىلىشقا ئاتلاندى. ئىسرائىللار بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، فىلىستىيەلىكلەردىن ناھايىتى قورقۇشۇپ كەتتى ۋە سامۇئىلغا: _ بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگار _ خۇدايىمىزغا توختىماي نالە قىلسىڭىز، ئۇ بىزنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغاي، _ دەپ يېلىندى. شۇنىڭ بىلەن سامۇئىل ئېمىۋاتقان بىر قوزىنى پۈتۈن پېتى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ، پەرۋەردىگارغا سۇندى. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئىسرائىللار ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلغانىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئىلتىجاسىنى قوبۇل قىلدى. سامۇئىل كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىۋاتقاندا، فىلىستىيەلىكلەر ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە يېتىپ كەلدى. ئەمما شۇ كۈنى پەرۋەردىگار ئاسماندا قاتتىق گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىتىپ، ئۇلارنى ساراسىمىگە سالدى. نەتىجىدە ئۇلار ئىسرائىللارغا مەغلۇپ بولدى. ئىسرائىللار مىزپاھتىن چىقىپ، فىلىستىيەلىكلەرنى بەيتكارغىچە قوغلاپ، ئۇلارنى يول بويى قىرىپ ماڭدى. شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل مىزپاھ بىلەن شېن دېگەن يەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر تاشنى تىكلىدى. بۇنى «ئەبەنەزەر» [ياردەم تېشى] دەپ ئاتاپ، «بۇ چاغقىچە پەرۋەردىگار بىزگە ياردەم قىلىپ كەلدى» دېدى. شۇنداق قىلىپ فىلىستىيەلىكلەر مەغلۇپ قىلىندى. سامۇئىل ھايات چاغدا، پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئىسرائىلىيە زېمىنىغا قايتا ئاياغ باستۇرمىدى. ئىسرائىللار فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن ئەقروندىن گاتقىچە بولغان ئارىلىقتىكى شەھەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى، شۇنداقلا بۇ شەھەرلەرنىڭ يېنىدىكى يەرلەرنىمۇ قايتۇرۇۋېلىپ، پۈتۈن زېمىنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋالدى. ئۇ چاغلاردا ئىسرائىللار بىلەن ئامورلار تىنچ ئۆتتى. سامۇئىل ئۆمۈر بويى ئىسرائىللارغا يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇ ھەر يىلى بەيتەل، گىلگال، مىزپاھنى ئايلىنىپ يۈرۈپ، ئۇ شەھەرلەردە ئىسرائىللارنىڭ ئەرز-دەۋالىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىراتتى. ئاندىن يۇرتى راماھقا قايتىپ، ئۇ يەردىمۇ ئوخشاش ئىشلارنى قىلاتتى. ئۇ راماھتا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، بىر قۇربانلىق سۇپىسى سالدى. سامۇئىل قېرىغان چېغىدا ئۆز ئوغۇللىرىنى ئىسرائىللارغا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەيىنلىگەنىدى. تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى يوئېل، ئىككىنچىسىنىڭ بولسا ئابىيا ئىدى، ئىككىلىسى بەئەرشەبا شەھىرىدە يېتەكچىلىك قىلاتتى. ئۇلار ئاتىسىنىڭ يولىنى تۇتماي، مال-دۇنيا قوغلىشىپ، پارا ئېلىپ، ناھەق ھۆكۈم چىقىراتتى. شۇ سەۋەبتىن ئىسرائىللارنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرى جەم بولۇپ، راماھقا سامۇئىل بىلەن كۆرۈشۈشكە كەلدى. ئۇلار ئۇنىڭغا: _ سىز ياشىنىپ قالدىڭىز، ئوغۇللىرىڭىز بولسا سىزنىڭ يولىڭىزنى تۇتمىدى. شۇڭا بىزگە يېتەكچىلىك قىلىشقا باشقا ئەللەرنىڭكىدەك بىر پادىشاھ تەيىنلەپ بەرسىڭىز، _ دېيىشتى. ئۇلارنىڭ: «بىزگە يېتەكچىلىك قىلىشقا بىر پادىشاھ تەيىنلەپ بەرسىڭىز» دېگەن بۇ تەلىپى سامۇئىلغا ياقمىغانلىقتىن، ئۇ پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «خەلقنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسىگە قۇلاق سال! ئۇلار سېنى ئەمەس، بەلكى مېنى تەرك ئەتتى. ئۇلار مېنىڭ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن داۋاملىق پادىشاھ بولۇشۇمنى خالىمايۋاتىدۇ. مەن ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندىن بېرى، ئۇلار مېنى تاشلاپ، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ كەلمەكتە. ئەمدى سېنىمۇ رەت قىلىۋاتىدۇ. ھازىر ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سال. بىراق ئۇلارنى جىددىي ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلار سورىغان ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى پادىشاھنىڭ ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قوي!» سامۇئىل ئۆزىدىن بىر پادىشاھ تەيىنلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان خەلققە پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسىنى يەتكۈزۈپ: _ سىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى پادىشاھ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، سىلەرگە مۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ: ئوغۇللىرىڭلارنى ئۆز ئىشىغا تۇتۇۋېلىپ، بەزىلىرىنى ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىپ، بەزىلىرىنى ھارۋىلىرىنىڭ ئالدىدا يۈگۈرۈشكە سالىدۇ. بەزىلىرىنى لەشكەر باشلىقلىقىغا تەيىنلەيدۇ. بەزىلىرى مىڭ لەشكەرگە باشلىق بولسا، بەزىلىرى ئەللىك لەشكەرگە باشلىق بولىدۇ. ئوغۇللىرىڭلارنى پادىشاھنىڭ يەرلىرىنى تېرىشقا، ئورمىسىنى ئورۇشقا، قورال-ياراغلىرىنى ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ جابدۇقلىرىنى ياساشقا قويىدۇ. قىزلىرىڭلارنى ئەتىرچى، ئاشپەز ۋە ناۋاي قىلىپ قويىدۇ. ئۇ سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى ئېتىز-ئېرىقلىرىڭلارنى، ئۈزۈمزارلىقىڭلارنى ۋە زەيتۇنزارلىقىڭلارنى تارتىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا بېرىدۇ. ئاشلىق ۋە ئۈزۈمىڭلارنىڭ ئوندىن بىرىنى ئېلىۋېلىپ، قوماندانلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىغا تەقدىم قىلىدۇ. سەرخىل ياش يىگىتلىرىڭلارنى، ئەر ۋە ئايال خىزمەتكارلىرىڭلارنى ھەم ئېشەكلىرىڭلارنى ئېلىپ، ئۆز ئىشىغا سالىدۇ. قويلىرىڭلارنىڭمۇ ئوندىن بىرىنى تارتىۋالىدۇ. سىلەر ئۇنىڭغا قۇل بولۇپ قالىسىلەر. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭلارغا تىكلىگەن پادىشاھ دەستىدىن داد-پەرياد چېكىسىلەر، ئۇ چاغدا پەرۋەردىگار سىلەرگە قۇلاق سالمايدۇ، _ دەپ ئاگاھلاندۇردى. ئەمما خەلق سامۇئىلنىڭ سۆزىنى رەت قىلىپ: _ ياق، بىزگە بىزنى باشقۇرىدىغان پادىشاھ كېرەك! شۇ چاغدا بىزمۇ باشقا ئەللەرگە ئوخشاش بولىمىز. پادىشاھىمىز بىزنى باشقۇرىدۇ، ئۇ ئالدىمىزدا بىزنى باشلاپ ماڭىدىغان، جەڭلەردە بىزگە رەھبەرلىك قىلىدىغان بولىدۇ، _ دەپ تۇرۇۋالدى. سامۇئىل ئۇلارنىڭ بارلىق سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن پەرۋەردىگارغا يەتكۈزدى. _ سەن ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، ئۇلارغا بىر پادىشاھ تەيىنلەپ بەر! _ دېدى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا. شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل ئىسرائىللارغا: _ ھەرقايسىڭلار ئۆز يۇرتۇڭلارغا قايتىڭلار، _ دېدى. بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان كىش ئىسىملىك بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇ ئابىئېلنىڭ ئوغلى، ئابىئېل زىرورنىڭ ئوغلى، زىرور بىكوراتنىڭ ئوغلى، بىكورات بولسا ئافىياھنىڭ ئوغلى ئىدى. كىش ئابرۇيلۇق، دۆلەتمەن ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ سائۇل ئاتلىق كېلىشكەن بىر ئوغلى بار ئىدى، ئىسرائىل خەلقى ئىچىدە ئۇنىڭدىن كېلىشكىنى يوق ئىدى. ھەرقانداق ئادەمنىڭ بويى ئۇنىڭ يەلكىسىدىن ئاشمايتتى. بىر كۈنى كىشنىڭ بىرنەچچە ئېشىكى يوقاپ كەتتى. كىش ئوغلى سائۇلغا: _ بالام، خىزمەتكارلاردىن بىرەرسىنى ئېلىپ، ئېشەكلەرنى ئىزدەپ باققىنا! _ دېدى. سائۇل بىر خىزمەتكار بىلەن ئەفرايىم تاغلىق رايونىدا ۋە شالىشاھ زېمىنىدا ئېشەكلەرنى ئىزدەپ تاپالمىدى. شائالىم زېمىنىغا ئۆتۈۋىدى، ئېشەكلەر ئۇ يەردىمۇ يوق بولۇپ چىقتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار بىنيامىن زېمىنىنى كېزىپ چىقتى، ئېشەكلەرنى ئۇ يەرلەردىنمۇ تاپالمىدى. ئۇلار زۇف زېمىنىغا كەلگەندە، سائۇل خىزمەتكارىغا: _ ئەمدى ئۆيگە قايتايلى! بولمىسا ئاتام ئېشەكلەردىن ئەمەس، بىزدىن ئەنسىرەشكە باشلايدۇ، _ دېدى. لېكىن خىزمەتكارى ئۇنىڭغا: _ مانا، بۇ ئالدىمىزدىكى شەھەردە خۇدانىڭ نەزىرى چۈشكەن بىر ئادەم بار. ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەمدى شۇ ئادەمنىڭ يېنىغا بارساق، بەلكىم ئۇ بارىدىغان يولىمىزنى بىزگە كۆرسىتىپ قالار، _ دېدى. _ ئەگەر شۇ ئادەمنىڭ يېنىغا بارساق، ئۇ ئادەمگە نېمىنى سوۋغات قىلىمىز؟ _ دېدى سائۇل، _ بىزنىڭ خۇرجۇنىمىزدا يېگۈدەك نەرسە قالمىدى، ئۇنىڭغا سوۋغات قىلغۇدەك نەرسە يوق! خىزمەتكار سائۇلغا جاۋابەن: _ مەندە بىر كىچىك كۈمۈش تەڭگە بار. ئۇنى خۇدانىڭ نەزىرى چۈشكەن شۇ ئادەمگە بېرەي، بارىدىغان يولىمىزنى بىزگە كۆرسىتىپ بەرسۇن، _ دېدى. سائۇل خىزمەتكارى بىلەن بۇ شەھەرگە چىقىپ، شەھەرنىڭ ئىچىگە كىرگەندە، سامۇئىلنىڭ سەجدىگاھقا بېرىش ئۈچۈن دەل ئۇلار تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. پەرۋەردىگار سامۇئىلغا سائۇلنىڭ كېلىشىدىن بىر كۈن بۇرۇن ئايان بولۇپ مۇنداق دېگەنىدى: «ئەتە مۇشۇ ۋاقىتتا مەن سېنىڭ يېنىڭغا بىنيامىن زېمىنىدىن بىر ئادەم ئەۋەتىمەن. سەن ئۇنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئۇنى خەلقىم ئىسرائىللارغا باش قىلىپ تەيىنلە. ئۇ خەلقىمنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ. خەلقىمنىڭ ھالىغا نەزەر سالدىم، ئۇلارنىڭ داد-پەريادى ماڭا يەتتى.» سامۇئىل سائۇلنى كۆرگەندە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ مەن ساڭا ئېيتقان ئادەم دەل مۇشۇ، ئۇ مېنىڭ خەلقىم ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرىدۇ، _ دېدى. شۇ چاغدا سائۇل شەھەر دەرۋازىسىدا سامۇئىلنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن: _ تەقسىر، غايىبنى بىلگۈچىنىڭ ئۆيى قەيەردىكىن؟ _ دەپ سورىدى. سامۇئىل: _ غايىبنى بىلگۈچى مەن بولىمەن. يۈرۈڭلار، مېنىڭ ئالدىمدا مېڭىپ سەجدىگاھقا چىقىڭلار. بۈگۈن سىلەر مەن بىلەن بىللە غىزالىنىسىلەر. سائۇل، ئەتە ئەتىگەندە مەن ساڭا كۆڭلۈڭدىكىنى ئېيتىپ بېرىپ، سېنى يولغا سېلىپ قويىمەن. ئۈچ كۈن بۇرۇن يىتىپ كەتكەن ئېشەكلىرىڭدىن غەم قىلما، ئۇلار تېپىلدى. لېكىن ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئىستىكى كىمدە؟ سەندە ۋە ئاتا جەمەتىڭدە ئەمەسمۇ؟ _ دېدى. _ مەن بىنيامىندىن، يەنى ئىسرائىلنىڭ ئەڭ كىچىك قەبىلىسىدىن بولىمەن، بۇ قەبىلە ئىچىدە جەمەتىمىز ئەڭ ئەرزىمەس بىر جەمەتتۇر، سىز ماڭا نېمىشقا بۇنداق دەيسىز؟ _ دەپ جاۋاب بەردى سائۇل. سامۇئىل سائۇل بىلەن خىزمەتكارىنى شۇ يەردىكى ئوتتۇز مېھمان ئولتۇرغان چوڭ ئۆيگە باشلاپ كىرىپ، تۆرگە ئولتۇرغۇزدى. كېيىن ئاشپەزگە: _ مەن ساڭا، ئالاھىدە ساقلاپ قوي، دېگەن گۆشنى ئەمدى ئېلىپ كەل، _ دېدى. ئاشپەز ئوڭ سان گۆشنى ئەكېلىپ، سائۇلنىڭ ئالدىغا قويدى. _ مانا، بۇ ساڭا ئاتاپ ئېلىپ قويۇلغان گۆش، مەرھەمەت، ئالدىڭغا تارتىپ يېگىن! مەن مېھمانلارنى چاقىرغىنىمدىن تارتىپ، مۇشۇ ۋاقىتقىچە بۇ ساڭا ساقلاندى، _ دېدى سامۇئىل. شۇ كۈنى سائۇل سامۇئىل بىلەن بىللە غىزالاندى. ئۇ ئىككىسى سەجدىگاھتىن شەھەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆگزىدە پاراڭلاشتى، سائۇل ئۆگزىدە يېتىپ قالدى. تاڭ ئاتقان چاغدا سامۇئىل ئۆگزىدە ياتقان سائۇلنى چاقىرىپ: _ ئورنۇڭدىن تۇر، مەن سېنى يولغا سېلىپ قويىمەن! _ دېدى. سائۇل ئورنىدىن تۇرۇپ، سامۇئىل بىلەن چىقىپ كەتتى. ئۇلار شەھەرنىڭ چېتىگە بارغاندا، سامۇئىل سائۇلغا: _ خىزمەتكارىڭغا ئېيت، ئۇ ئاۋۋال مېڭىپ تۇرسۇن، _ دېدى. خىزمەتكار كەتكەندىن كېيىن سامۇئىل: _ سەن مۇشۇ يەردە توختاپ تۇرغىن، ساڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىنى يەتكۈزۈپ قوياي، _ دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل بىر قۇتا زەيتۇن يېغىنى سائۇلنىڭ بېشىغا قۇيۇپ، ئۇنى سۆيۈپ: _ مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ سېنى ئۆز خەلقى ئىسرائىلغا باش بولۇشقا تەيىنلىگىنى. بۈگۈن سەن مەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن، بىنيامىن زېمىنىنىڭ بىر چېتىدىكى زەلزاخ دېگەن يەرگە يېتىپ بارغىنىڭدا، راھىلەنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدا ئىككى ئادەمنى ئۇچرىتىسەن، ئۇلار ساڭا: «سىز ئىزدەپ چىققان ئېشەكلەر تېپىلدى، ئاتىڭىز ئەمدى ئېشەكلەردىن ئەمەس، سىزدىن ئەنسىرەپ، ‹ئوغلۇمنى قانداق تاپارمەن؟› دەپ ئولتۇرىدۇ» دەيدۇ. سەن ئۇ يەردىن ئۆتۈپ يەنە ئالدىغا مېڭىپ تابوردىكى دۇپ دەرىخىنىڭ يېنىغا يېتىپ كەلگەندە، بەيتەلگە خۇداغا ئىبادەت قىلغىلى ماڭغان ئۈچ ئادەمنى ئۇچرىتىسەن. ئۇلارنىڭ بىرى ئۈچ ئوغلاق، بىرى ئۈچ نان ۋە يەنە بىرى بىر تۇلۇم شاراب ئالغان بولۇپ، ئۇلار ساڭا سالام قىلىپ، ئىككى نان بېرىدۇ. بەرگەن نانلارنى ئېلىشىڭ كېرەك. ئۇنىڭدىن كېيىن، سەن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاراۋۇل ئەترىتى جايلاشقان «خۇدانىڭ تېغى» دەپ ئاتالغان گىبئاھقا بارىسەن. شەھەرگە كىرگىنىڭدە، تاغدىكى سەجدىگاھتىن چۈشۈپ كەلگەن پەيغەمبەرلەرگە يولۇقىسەن. ئۇلار چىلتار، داپ، سۇناي ۋە لىرالارنى چېلىشىپ، ھاياجاندا ۋارقىراپ، ئۇسسۇل ئوينىشىدۇ. شۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ روھى ساڭا كۈچ-قۇدرەتتە چۈشىدۇ. سەن ئۇلارغا قوشۇلۇپ، ھاياجاندا ۋارقىراپ، ئۇسسۇل ئويناپ، باشقا بىر ئادەمدەك بولۇپ قالىسەن. بۇ ئالامەتلەر كۆرۈنگەن چاغدا، سەن ئۆزۈڭ بىلگەننى قىل. چۈنكى خۇدا ساڭا ياردۇر. سەن گىلگالغا مەندىن بۇرۇن يېتىپ بارىسەن. مەن شۇ يەردە كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى قىلىش ئۈچۈن قېشىڭغا بارىمەن. سەن ئۇ يەردە مەن كەلگۈچە يەتتە كۈن ساقلاپ تۇرغىن، مەن يېتىپ بارغاندىن كېيىن، نېمە قىلىشىڭنى دەپ بېرىمەن. سائۇل سامۇئىلدىن ئايرىلىپ كەينىگە بۇرۇلۇپ مېڭىشىغىلا، خۇدا ئۇنىڭغا يېڭى بىر قەلب ئاتا قىلدى. ئالدىن دېيىلگەن ئاشۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى شۇ كۈنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. سائۇل خىزمەتكارى بىلەن گىبئاھقا كەلگەندە، بىر توپ پەيغەمبەرلەرگە يولۇقتى. شۇ چاغدا خۇدانىڭ روھى ئۇنىڭغا كۈچ-قۇدرەتتە چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھېلىقى بىر توپ پەيغەمبەرلەرگە قوشۇلۇپ، ھاياجاندا ۋارقىراپ، ئۇسسۇل ئويناپ كەتتى. ئىلگىرى سائۇلنى تونۇيدىغانلار بۇنى كۆرۈپ ھەيران قېلىپ، بىر-بىرىگە: _ كىشنىڭ ئوغلىغا نېمە بولغاندۇ؟ سائۇلمۇ پەيغەمبەرلەردىنمىدۇ؟ _ دېيىشىپ كەتتى. لېكىن شۇ يەرلىك بىر كىشى سائۇلنى ياقلاپ: _ ئەمىسە باشقىلارچۇ؟ ئۇلارنىڭ ئاتىسى پەيغەمبەرمىدى؟ _ دېدى. «سائۇلمۇ پەيغەمبەرلەردىنمىدۇ؟» دېگەن ماقال ئەنە شۇنىڭدىن قالغان. سائۇل ئۇ يەردە ھاياجاندا ۋارقىراپ، ئۇسسۇل ئويناشتىن توختىغاندىن كېيىن، سەجدىگاھقا چىقتى. سائۇلنىڭ تاغىسى ئۇنى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتكارىنى كۆرۈپ: _ سىلەر زادى نەگە باردىڭلار؟ _ دەپ سورىدى. _ ئېشەكلەرنى ئىزدىگىلى چىققان! _ دېدى سائۇل، _ ئېشەكلەرنى تاپالمىغاندىن كېيىن، سامۇئىلنىڭ يېنىغا باردۇق. _ ئۇ سىلەرگە نېمە دېدى؟ _ دەپ سورىدى سائۇلنىڭ تاغىسى. _ ئۇ بىزگە ئېشەكلەرنىڭ تېپىلغانلىقىنى دەپ بەردى، _ دېدى سائۇل، لېكىن ئۆزىنىڭ پادىشاھ بولۇپ تەيىنلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا سامۇئىلنىڭ ئېيتقانلىرىنى تاغىسىغا دېمىدى. سامۇئىل ئىسرائىل خەلقىنى مىزپاھقا، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا چاقىردى ۋە ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا شۇنداق دەيدۇكى: «مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتىم، سىلەرنى مىسىرلىقلارنىڭ ۋە سىلەرگە زۇلۇم قىلغان بارلىق مىللەتلەرنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقتىم. لېكىن ئەمدى سىلەر مېنى _ ئۆزۈڭلارنى پۈتۈن بالايىئاپەت ۋە مۇشەققەتلەردىن قۇتقۇزغان خۇدايىڭلارنى رەت قىلىپ، ئۆزۈڭلارغا بىر پادىشاھ تەيىنلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلدىڭلار. ئەمدى سىلەر قەبىلە ۋە جەمەت تەرتىپى بويىچە، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇڭلار.» شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل ھەربىر قەبىلىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تىزدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىنيامىن قەبىلىسى تاللاندى. ئاندىن سامۇئىل بىنيامىن قەبىلىسىدىكى ھەربىر جەمەتنى ئالدىغا چىقاردى، ئۇلاردىن ماترى جەمەتى تاللاندى. ئاخىرىدا ماترى جەمەتىدىكىلەردىن كىشنىڭ ئوغلى سائۇل تاللاندى. لېكىن ئۇلار سائۇلنى ئىزدىگەندە ئۇنى تاپالمىدى. شۇڭا ئۇلار يەنە پەرۋەردىگاردىن: _ ئۇ ئادەم بۇ يەردىمۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ ئۇ ياراغ-جابدۇقلارنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنۇۋالدى، _ دېدى پەرۋەردىگار. بىراۋلار يۈگۈرۈپ بېرىپ سائۇلنى ئۇ يەردىن ئېلىپ كەلدى. ئۇ خالايىقنىڭ ئارىسىدا تۇرغاندا، ھېچكىمنىڭ بويى ئۇنىڭ يەلكىسىدىن ئاشمايتتى. سامۇئىل خەلققە: _ پەرۋەردىگار تاللىغان ئادەمنى ئەمدى كۆردۈڭلارمۇ؟ خەلقىمىز ئىچىدە ئۇنىڭغا يېتىدىغان بىرمۇ ئادەم يوق، _ دېدى. بۇنىڭ بىلەن خەلقنىڭ ھەممىسى: _ ياشىسۇن پادىشاھ! _ دەپ چۇقان كۆتۈرۈشتى. سامۇئىل خەلققە پادىشاھنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ھوقۇقىنى ئېيتىپ بەردى ھەمدە ئۇلارنى يازما شەكىلدە يېزىپ، مۇقەددەس جايغا قويدى. ئاندىن كېيىن خەلقنى ئۆيلىرىگە قايتۇرۇۋەتتى. سائۇلمۇ گىبئاھقا، ئۆز ئۆيىگە قايتتى. قەلبى خۇدا تەرىپىدىن تەسىرلەندۈرۈلگەن بىر توپ باتۇرلار ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدى. لېكىن بەزى ئوسال كىشىلەر: _ بۇ ئادەم قانداقمۇ بىزنى قۇتقۇزالايدۇ؟ _ دېيىشىپ، سائۇلنى مەنسىتمەي، ئۇنىڭغا ھېچقانداق سوۋغات بەرمىدى. سائۇل ھېچنېمە دېمىدى. ئاممونلارنىڭ پادىشاھى ناخاش گىلئادتىكى يابېش شەھىرىگە كېلىپ، ئۇ يەرنى قامال قىلدى. پۈتۈن يابېش ئاھالىسى پادىشاھ ناخاشقا: _ ئەگەر بىز بىلەن كېلىشىم تۈزسىلە، سىلىگە ئەل بولايلى، _ دېدى. پادىشاھ ناخاش ئۇلارغا جاۋابەن: _ ئۇنداقتا ھەربىرىڭلارنىڭ ئوڭ كۆزىنى ئويۇۋېلىپ، پۈتكۈل ئىسرائىللارنى خورلۇقتا قالدۇرۇش شەرتى ئاستىدا، سىلەر بىلەن ئەھدە تۈزەي، _ دېدى. يابېشنىڭ ئاقساقاللىرى ئۇنىڭغا: _ بىزگە يەتتە كۈنلۈك مۆھلەت بەرگەيلا، بىز پۈتكۈل ئىسرائىلىيە زېمىنىغا ئەلچىلەر ئەۋەتەيلى، شۇ جەرياندا بىزنى قۇتقۇزىدىغان ئادەم چىقمىسا، سىلىگە تەسلىم بولايلى، _ دېدى. ئەلچىلەر سائۇلنىڭ يۇرتى گىبئاھ شەھىرىگە يېتىپ كەلگەندە، خەلققە بۇ خەۋەرنى يەتكۈزگەنىدى، پۈتۈن خەلق داد-پەرياد كۆتۈرۈپ يىغلاشتى. شۇ چاغدا سائۇل ئېتىزلىقىدىن چىقىپ، ئۆكۈزلىرىنى ھەيدەپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ: «خەلق نېمە ئۈچۈن يىغلىشىدۇ؟» دەپ ئەتراپىدىكىلەردىن سورىغانىدى، ئۇلار ئۇنىڭغا يابېشتىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ خەۋىرىنى ئېيتتى. سائۇل بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندا، خۇدانىڭ روھى ئۇنىڭغا كۈچ-قۇدرەتتە چۈشۈپ، غەزىپى قاتتىق ئۆرلىدى. ئۇ ئىككى ئۆكۈزنى سويۇپ، پارچىلاپ، ئۇلارنىڭ گۆشلىرىنى خەۋەرچىلەردىن پۈتكۈل ئىسرائىلىيە زېمىنىغا ئەۋەتىپ: _ ئەمدى كىمكى سائۇل بىلەن سامۇئىلغا ئەگىشىپ ئۇرۇشقا ئاتلانمىسا، ئۇنىڭ بۇقىلىرىمۇ مۇشۇنداق پارچىلىنىدۇ _ دەپ ئېلان قىلغۇزدى. پەرۋەردىگار خەلققە سائۇلنىڭ قەھرى ئارقىلىق شۇنداق قورقۇنچ سالدىكى، ئۇلار بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ چىقىپ كەلدى. سائۇل ئۇلارنى بەزەق دېگەن يەرگە يىغدى، ئۇ يەردە يەھۇدا قەبىلىسىدىن 30 مىڭ كىشى، ئىسرائىلنىڭ باشقا قەبىلىلىرىدىن ئۈچ يۈز مىڭ كىشى بار ئىدى. سائۇل گىلئادتىكى يابېشتىن كەلگەن ئەلچىلەرگە: _ سىلەر يابېشقا قايتىپ بېرىپ يابېشلىقلارغا ئېيتىڭلار، ئەتە چۈشتە ئۇلار قۇتقۇزۇلىدۇ، _ دېدى. يابېشلىقلار بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كېتىشتى. ئۇلار ئاممونلارغا: _ ئەتە بىز سىلەرگە تەسلىم بولىمىز، بىزگە قانداق قىلغۇڭلار كەلسە شۇنداق قىلىڭلار، _ دېدى. ئىككىنچى كۈنى سائۇل ئادەملىرىنى ئۈچ قىسىمغا بۆلۈپ، تاڭ ئېتىشى بىلەن ئاممونلارنىڭ بارگاھىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، چۈشكىچە ئۇلارنى قىرغىن قىلدى. ھايات قالغانلار شۇنداق پاراكەندە بولۇپ، ھەر تەرەپكە قاچتىكى، ھەتتا ئىككى ئادەمنىڭ بىر يەردە تۇرغانلىقىنى كۆرگىلى بولمىدى. خەلق سامۇئىلغا: _ سائۇل قانداقمۇ بىزگە پادىشاھ بولالىسۇن دېگەنلەر كىملەر؟ ئۇلار ئوتتۇرىغا چىقىرىلسۇن، بىز ئۇلارنى ئۆلتۈرىمىز، _ دېيىشتى. _ بۈگۈن ھېچكىمنى ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ. چۈنكى بۈگۈن پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەگە نۇسرەت بەرگەن كۈن، _ دېدى سائۇل. سامۇئىل خالايىققا: _ گىلگالغا بېرىپ، شۇ يەردە سائۇلنىڭ پادىشاھلىقىنى يېڭىباشتىن جاكارلايلى، _ دېدى. خەلق گىلگالغا بېرىپ، پەرۋەردىگار ئالدىدا سائۇلنىڭ پادىشاھ ئىكەنلىكىنى يېڭىباشتىن ئېتىراپ قىلدى ھەم پەرۋەردىگارغا ئامانلىق قۇربانلىقلىرى قىلىشتى. سائۇل بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى شاد-خۇراملىققا چۆمدى. _ قاراڭلار! مەندىن سورىغىنىڭلارنىڭ ھەممىسىنى بەجا كەلتۈردۈم، سىلەرگە بىر پادىشاھ تەيىنلەپ بەردىم، _ دېدى سامۇئىل پۈتۈن ئىسرائىللارغا، _ مانا ئەمدى بۇ پادىشاھ سىلەرگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. مەن قېرىدىم، چاچلىرىم ئاقاردى، ئوغۇللىرىممۇ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا تۇرۇپتۇ. مەن ياش ۋاقتىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە سىلەرگە رەھبەرلىك قىلىپ كەلدىم. قاراڭلار، مانا مەن بۇ يەردە تۇرۇپتىمەن. سىلەر بۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ ۋە ئۇ تاللىغان پادىشاھنىڭ ئالدىدا ماڭا ئەرزىڭلار بولسا ئېيتىڭلار. مەن كىمنىڭ كالىسىنى تارتىۋالدىم، كىمنىڭ ئېشىكىنى بۇلىۋالدىم، كىمنىڭ ھەققىنى يېدىم، كىمگە زۇلۇم سالدىم، كىمنىڭ قولىدىن پارا ئالغانلىقىم سەۋەبلىك كۆزۈمنى يۇمۇۋالدىم؟ ئەگەر شۇنداق ئىشلار بولغان بولسا، مەن چوقۇم تۆلەيمەن! _ سىلى بىزنىڭ ھەققىمىزنى يېمىگەن، ھېچكىمگە زۇلۇم سالمىغان ۋە ھېچ كىشىنىڭ قولىدىن بىرەر نەرسە ئالمىغان، _ دېيىشتى خالايىق. سامۇئىل ئۇلارغا: _ سىلەرنىڭ مەندە ھېچ ھەققىڭلار قالمىغانلىقىغا پەرۋەردىگار ۋە ئۇ تاللىغان پادىشاھ بۈگۈن گۇۋاھ بولسۇن، _ دېگەنىدى، ئۇلار ئۇنىڭغا: «گۇۋاھ بولسۇن!» دېيىشتى. سامۇئىل خالايىققا: _ مۇسا بىلەن ھارۇننى تاللىغۇچى ھەم ئاتا-بوۋاڭلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققۇچى دەل پەرۋەردىگار ئۆزىدۇر. ئەمدى سىلەر ئۆز جايىڭلاردا قاراپ تۇرۇڭلار، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ سىلەرگە، شۇنداقلا ئاتا-بوۋاڭلارغا قىلغان ئادىل ئەمەللىرىنى ئالدىڭلارغا قويىمەن. ياقۇپ مىسىرغا كەلگەندىن كېيىن، ئاتا-بوۋاڭلار پەرۋەردىگارغا يېلىنغاندا، پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇننى ئاتا-بوۋاڭلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىشقا ئەۋەتكەن. ئۇلار ئاتا-بوۋاڭلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، مۇشۇ يەرگە ئولتۇراقلاشتۇردى. ئەمما ئاتا-بوۋاڭلار ئۆزلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانى ئۇنتۇغاچقا، خۇدا ئۇلارنىڭ خازور شەھىرىدىكى قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى سىسىرانىڭ قولىغا، فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىغا ۋە موئاب پادىشاھىنىڭ قولىغا چۈشۈشىگە يول قويغان. ئاتا-بوۋاڭلار ئۇلارنىڭ قولىغا چۈشكەندە، پەرۋەردىگارغا نالە-پەرياد قىلىپ: «ئى پەرۋەردىگار، بىز سېنى تاشلاپ، بائال ۋە ئاشتورەتلەرگە ئىبادەت قىلىپ، گۇناھ قىلدۇق، ئەمدى بىزنى دۈشمەنلىرىمىزنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغايسەن. بىز ساڭا ئىبادەت قىلايلى» دېگەن. شۇڭا پەرۋەردىگار گىدئون، بىدان، يېفتاخ ۋە مەن سامۇئىلنى سىلەرنى ئەتراپىڭلاردىكى دۈشمەنلەردىن قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتكەنىدى، شۇ سەۋەبتىن سىلەر تىنچ-ئامان قالدىڭلار. گەرچە خۇدايىڭلار بولغان پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ئۆز پادىشاھىڭلار بولسىمۇ، ئاممونلارنىڭ پادىشاھى ناخاشنىڭ سىلەرگە قارشى قوپقىنىنى كۆرگىنىڭلاردا، سىلەر يەنىلا قورقۇپ، ماڭا: «بىزگە بىزنى ئىدارە قىلىدىغان بىر پادىشاھ تەيىنلەپ بەر» دېدىڭلار. مانا، بۇ سىلەر خاھىشىڭلار بويىچە تەلەپ قىلغان پادىشاھتۇر! قاراڭلار، پەرۋەردىگار ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا بىر پادىشاھ قويدى. سىلەر پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىپ، ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالساڭلار، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە قارشى چىقماي، ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى پادىشاھ بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا ئەگەشسەڭلار، ھەممە ئىشىڭلار ياخشى بولىدۇ. لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالماي، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە قارشى چىقساڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرەتلىك قولى ئاتا-بوۋاڭلارنى جازالىغاندەك سىلەرنىمۇ جازالايدۇ. ئەمدى ئۆز جايىڭلاردا داۋاملىق تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا قىلىدىغان بۇ ئاجايىپ ئىشىغا قاراڭلار. ھازىر بۇغداي ئورىدىغان قۇرغاق ۋاقىت ئەمەسمۇ؟ مەن پەرۋەردىگاردىن تىلەي، ئۇ گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر ياغدۇرىدۇ، شۇ چاغدا سىلەر پادىشاھ تەلەپ قىلغانلىقىڭلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قانچىلىك چوڭ يامانلىق قىلغىنىڭلارنى كۆرىسىلەر ۋە بىلىسىلەر _ دېدى. ئاندىن سامۇئىل پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ تىلىۋىدى، پەرۋەردىگار شۇ كۈنى گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر ياغدۇردى، خالايىق بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگاردىن ھەم سامۇئىلدىن قاتتىق قورقۇپ كېتىشتى. خالايىق سامۇئىلغا: _ پەرۋەردىگار خۇدايىڭىزغا بىزنى ئۆلۈپ كەتمىسۇن، دەپ دۇئا قىلسىڭىز، چۈنكى بىز پادىشاھ تەيىنلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بارلىق گۇناھلىرىمىز ئۈستىگە گۇناھ ئۆتكۈزۈپتىمىز، _ دېدى. سامۇئىل خەلققە: _ قورقماڭلار! گەرچە بۇ يامانلىقنى قىلغان بولساڭلارمۇ، ئەمدى پەرۋەردىگارغا ئەگىشىشتىن ۋاز كەچمەي، پۈتۈن قەلبىڭلار بىلەن پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىڭلار. ئېزىپ كېتىپ، بۇتلارغا چوقۇنۇپ قالماڭلار. چۈنكى ئۇلار پايدىسىز، سىلەرنىمۇ قۇتقۇزالمايدۇ، ئۇلار كېرەكسىز، قۇرۇق نەرسىلەردۇر. پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ نامىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۆز خەلقىنى تاشلىمايدۇ. ھەقىقەتەنمۇ پەرۋەردىگار سىلەرنى ئۆز خەلقى قىلىشقا ئىرادە قىلغاندۇر. ماڭا كەلسەك، مەن ھەرگىز سىلەرگە بولغان دۇئايىمنى توختىتىپ، پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ قىلمايمەن. مەن سىلەرگە ياخشى ۋە توغرا يولنى كۆرسىتەي، سىلەر پەقەتلا پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ، ئۇنىڭغا ساداقەتلىك بىلەن ئىبادەت قىلىڭلار. ئۇنىڭ سىلەرگە قىلغان ئىشلىرىنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى ئويلاڭلار. ئەگەر سىلەر يەنىلا گۇناھ قىلساڭلار، پادىشاھىڭلارمۇ، ئۆزۈڭلارمۇ بىردەك ھالاك بولىسىلەر، _ دېدى. سائۇل تەختكە چىققان ۋاقتىدا ئوتتۇز ياش ئىدى، ئىسرائىلىيەگە قىرىق ئىككى يىل پادىشاھ بولدى. سائۇل ئۆزىگە ئىسرائىلىيەنىڭ لەشكەرلىرىدىن ئۈچ مىڭنى تاللىۋالدى، ئۇلاردىن ئىككى مىڭى ئۆزى بىلەن بىرگە مىكماس ۋە بەيتەل ئېدىرلىقلىرىدا تۇردى؛ بىر مىڭى ئوغلى يوناتان بىلەن بىرگە بىنيامىن قەبىلىسىگە تەۋە گىبئاھ دېگەن يەردە تۇردى. قالغانلىرىنى ئۇ ئۆز ئۆيلىرىگە قايتۇردى. يوناتان گەبادىكى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاراۋۇل ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى يەڭدى. بۇ خەۋەر فىلىستىيەلىكلەر ئارىسىدا تېز تارقالدى. ئۇ چاغدا سائۇل پۈتۈن يۇرتتا بۇرغا چالدۇرۇپ، ئىبرانىيلارنى ئۇرۇشقا چاقىردى. بارلىق ئىسرائىللار: «سائۇل فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاراۋۇل ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلىپ يېڭىپتۇ» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ، ھەم فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ئىسرائىللارغا ئۆچلۈكىنى بىلىپ، چاقىرىق بويىچە گىلگالغا كېلىپ، سائۇلغا ئەگەشتى. فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللار بىلەن جەڭ قىلىشقا يىغىلدى، ئۇلار ئۈچ مىڭ جەڭ ھارۋىسى، ئالتە مىڭ ئات ۋە دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ پىيادە لەشكەرلەرنى يىغىپ كېلىپ، بەيتئاۋەننىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدىكى مىكماستا چېدىر تىكتى. ئەمما ئىسرائىللار بولسا ئۆزلىرىنىڭ خەۋپ ئاستىدا قالغانلىقىنى، ئەھۋالىنىڭ ناچارلىقىنى كۆرۈپ، غارلارغا، كامارلارغا، قىيا تاشلار ئارىسىغا، قەبرىلەرگە ۋە ئازگاللارغا يوشۇرۇنۇۋالدى. بىر قىسىملىرى بولسا ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، گاد ۋە گىلئاد زېمىنىغا ئۆتۈپ كەتتى. سائۇل تېخىچە گىلگالدا ئىدى. ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ۋەھىمە باستى. سائۇل، سامۇئىل ئۆزىگە ئېيتقاندەك يەتتە كۈن كۈتتى، ئەمما سامۇئىل تېخىچە گىلگالغا يېتىپ كەلمىگەنىدى. شۇڭا كىشىلەر سائۇلدىن ئايرىلىپ تارقىلىپ كېتىشكە باشلىدى. سائۇل: _ كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىڭلار، _ دېدى. ئاندىن ئۆزى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى. لېكىن كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى ئەمدىلا قىلىپ بولغاندا، سامۇئىل يېتىپ كەلدى. سائۇل ئۇنىڭ ئالدىغا قارشى ئېلىشقا چىققانىدى، سامۇئىل: _ سەن نېمە ئىش قىلدىڭ؟ _ دېدى. _ قارىسام خەلق مەندىن ئايرىلىپ تارقىلىپ كېتىۋاتىدۇ، سىزمۇ دېگەن ۋاقىتتا يېتىپ كەلمىدىڭىز، يەنە كېلىپ فىلىستىيەلىكلەر مىكماسقا توپلىنىشتى. شۇڭا مەن ئىچىمدە: «ئەمدى فىلىستىيەلىكلەر گىلگالغا كېلىپ، ماڭا ھۇجۇم قىلىدىغان بولدى، مەن تېخى پەرۋەردىگاردىن ياردەم تىلىمىگەن تۇرسام» دەپ ئويلاپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم، _ دېدى سائۇل. _ سەن ئەخمەقلىق قىلىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ساڭا بۇيرۇغان ئەمرىگە رىئايە قىلمىدىڭ! بولمىسا، پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيە ئۈستىدىكى پادىشاھلىق ئورنۇڭنى ئەبەدىلئەبەد مۇستەھكەم تۇرغۇزاتتى. ئەمدى سېنىڭ پادىشاھلىق ئورنۇڭ ئۇزاققا بارمايدۇ. پەرۋەردىگار ئۆز كۆڭلىگە مۇۋاپىق بىر ئادەمنى تاپتى. ئۇنى ئۆز خەلقىنىڭ بېشى قىلدى. چۈنكى سەن پەرۋەردىگار ساڭا بۇيرۇغان ئەمرگە رىئايە قىلمىدىڭ، _ دېدى سامۇئىل سائۇلغا. ئاندىن سامۇئىل گىلگالدىن ئايرىلىپ، ئۆز يولىغا كەتتى. قالغانلىرى سائۇلغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ لەشكەرلىرى بىلەن جەم بولدى. ئۇلار گىلگالدىن بىنيامىن قەبىلىسىگە تەۋە گىبئاھقا كەلدى. سائۇل ئۆز ئادەملىرىنى سانىۋىدى، ئالتە يۈزچە چىقتى. سائۇل، ئوغلى يوناتان ۋە ئۇلارغا ئەگەشكۈچىلەر بىنيامىن زېمىنىدىكى گىبئاھتا توختاپ قالدى. فىلىستىيەلىكلەر بولسا مىكماستا بارگاھ قۇرغانىدى. بۇ چاغدا فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ئۈچ سەپكە بۆلۈنگەن زەربىدار قىسىملىرى بارگاھىدىن چىقتى. بىر قىسمى شىمالغا قاراپ، شۇئال زېمىنىدىكى ئوفراھقا يول ئالدى، بىر قىسمى غەربكە قاراپ، بەيت-خورونغا بارىدىغان يولغا چۈشتى، يەنە بىر قىسمى چۆلنىڭ چېتىدىكى زىبوئىم جىلغىسىغا قارايدىغان تاغقا قاراپ ماڭدى. ئۇ چاغلاردا پۈتۈن ئىسرائىلىيەدە بىرمۇ تۆمۈرچى يوق ئىدى. چۈنكى فىلىستىيەلىكلەر ئىبرانىيلار ئۆزلىرىگە قىلىچ، نەيزە سوقتۇرۇۋالمىسۇن دەپ، ئۇلارنىڭ تۆمۈرچىلىك قىلىشىغا يول قويمىغانىدى، شۇ سەۋەبتىن ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى كەتمەن، پالتا، ئورغاق ۋە ساپان چىشلىرىنى بىلەش ئۈچۈن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قېشىغا باراتتى. ساپان چىشلىرى ياكى كەتمەن بىلەشنىڭ ھەققى سەككىز گىرام كۈمۈش، ئۈچ چىشلىق ئارا، پالتا ياكى كالا نوقۇيدىغان زىخنى بىلەشنىڭ ھەققى تۆت گىرام كۈمۈش ئىدى. شۇڭا ئۇرۇش بولىدىغان ۋاقىتلارغا كەلگەندە، يالغۇز سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى يوناتاندىلا نەيزە-قىلىچ بولغاندىن باشقا، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھېچقايسىسىدا يا قىلىچ، يا نەيزە يوق ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بىر قاراۋۇل ئەترىتى مىكماستىكى داۋانغا مۇھاپىزەتچىلىككە چىققانىدى. بىر كۈنى سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان ئۆزىنىڭ ياراغلىرىنى كۆتۈرگەن يىگىتكە: _ يۈر، قارشى تەرەپتىكى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاراۋۇل ئەترىتى جايلاشقان يەرگە ئۆتەيلى، _ دېدى، لېكىن بۇنى ئاتىسىغا ئېيتمىدى. بۇ چاغدا سائۇل ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئالتە يۈزچە ئادەم گىبئاھنىڭ ئەڭ چېتىدىكى مىگرون دېگەن جايدا بىر ئانار دەرىخىنىڭ يېنىدا بارگاھتا ئىدى. روھانىي ئاخىيا ئۇلارنىڭ ئىچىدە بولۇپ، روھانىيلىق قىلىپ ئېفودنى كۆتۈرەتتى. ئۇ ئىكابودنىڭ قېرىندىشى ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئىدى. ئاخىتۇب پىنىخاسنىڭ ئوغلى، شىلودا پەرۋەردىگارغا روھانىيلىق قىلغان ئەلىنىڭ نەۋرىسى ئىدى. يوناتاننىڭ كەتكىنىنى خەلق بىلمەي قالدى. فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاراۋۇل ئەترىتى جايلاشقان يەرگە بېرىش ئۈچۈن يوناتان بوزېز ۋە سەنەھ دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى تىك قىيانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى داۋاندىن ئۆتۈشى كېرەك ئىدى. قىيانىڭ بىرى شىمالغا _ مىكماسقا، بىرى جەنۇبقا _ گەباغا قاراپ تۇراتتى. _ يۈر، بۇ خەتنىسىزلەرنىڭ قاراۋۇل ئەترىتى جايلاشقان يەرگە بارايلى، _ دېدى يوناتان قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە، _ پەرۋەردىگار بىز ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلسا ئەجەب ئەمەس. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بىركىمگە نۇسرەت ئاتا قىلىشى، ئۇ كىشىنىڭ ئادىمىنىڭ ئاز ياكى كۆپ بولۇشىغا باغلىق ئەمەس. _ كۆڭلىڭىزدە نېمە بولسا، شۇنداق قىلىڭ! نېمە ئىش قىلسىڭىز، مەن سىز بىلەن بىللە بولىمەن، _ دېدى قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسى. _ بىز ئۇ ئادەملەر تۇرۇۋاتقان تەرەپكە ئۆتۈپ، ئۇلارغا ئۆزىمىزنى كۆرسىتەيلى. ئەگەر ئۇلار بىزگە: «بىز سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بارغۇچە ئاشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرۇڭلار» دېسە، ئۇلارنىڭ يېنىغا بارماي، ئۆز جايىمىزدا تۇرۇپ تۇرايلى، ئەگەر: «بىزنىڭ يېنىمىزغا كېلىڭلار» دېسە، بارايلى. شۇنداق قىلساق، بۇ، پەرۋەردىگار ئۇلارنى بىزنىڭ قولىمىزغا تاپشۇرغانلىقىنىڭ بىر بەلگىسى بولغاي، _ دېدى يوناتان. ئىككىيلەن ئۆزلىرىنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاراۋۇللىرىغا كۆرسەتكەنىدى، قاراۋۇللار: _ مانا، ئىبرانىيلار ئۆزلىرىنى يوشۇرغان كامارلاردىن چىقتى، _ دېدى. ئاندىن ئۇلار يوناتان بىلەن ئۇنىڭ قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە: _ بۇ ياققا كېلىڭلار، بۇرنۇڭلارنىڭ نوخلىسىنى ئېلىپ قويايلى، _ دېدى. _ ماڭا ئەگىشىپ ماڭ، _ دېدى يوناتان قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە، _ پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئىسرائىللارنىڭ قولىغا بەردى. يوناتان فىلىستىيەلىكلەر تەرەپكە ئۆمىلەپ، يامىشىپ چىقىشقا باشلىدى، قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىمۇ ئارقىسىدىن ئەگەشتى. يوناتان فىلىستىيەلىكلەرگە ئېتىلىپ، ئۇلارنى يەرگە يىقىتتى، ياراغ كۆتۈرگۈچىسىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشكە كىرىشتى. بۇ دەسلەپكى ھۇجۇمدا يوناتان بىلەن ئۇنىڭ قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسى تەخمىنەن ئۈچ مو كېلىدىغان يەردە يىگىرمە ئادەمنى ئۆلتۈردى. توساتتىن بارگاھ ۋە دالادىكى فىلىستىيەلىكلەر توپى ئالاقزادە بولۇپ كېتىشتى، قاراۋۇللار ۋە زەربىدارلارمۇ قورقۇپ، تىترەپ كېتىشتى، يەرمۇ تەۋرەپ كەتتى. بۇ خۇدادىن كەلگەن قورقۇنچ ئىدى. سائۇلنىڭ بىنيامىن قەبىلىسىگە تەۋە گىبئاھ دېگەن يەردىكى قاراۋۇللىرى فىلىستىيەلىكلەر قوشۇنىنىڭ پاراكەندە بولۇپ، ئۇياق-بۇياققا پىتىراپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ قالدى. سائۇل ئۇلارغا: _ قاراپ بېقىڭلار، ئارىمىزدا كىملەر يوق ئىكەن؟ _ دېدى. ئۇلار تەكشۈرۈپ بېقىۋىدى، يوناتان بىلەن ئۇنىڭ قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسى يوق بولۇپ چىقتى. ئاندىن سائۇل ئاخىياغا بۇيرۇپ: _ ئېفودنى ئېلىپ كەل، _ دېدى. ئۇ ۋاقىتتا ئاخىيا ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا ئېفودنى كۆتۈرۈپ ماڭاتتى. سائۇل روھانىيغا سۆزلەۋاتقاندا، فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بارگاھىدىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭ بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتتى. ئۇ روھانىيغا: _ بولدى قىل، كېرەك ئەمەس، _ دېدى. سائۇل دەرھال ئۆزىگە ئەگەشكەن پۈتۈن خەلقنى يىغىپ، جەڭگاھقا بېرىپ، فىلىستىيەلىكلەرنىڭ نەيزە-قىلىچ بىلەن ئۆزئارا بىر-بىرىنى قىرغىن قىلىشىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئاجايىپ پاراكەندە بولۇپ كېتىشكەنلىكىنى كۆردى. بۇ چاغدا، ئىلگىرى فىلىستىيەلىكلەرگە قوشۇلۇپ كەتكەن ھەم ئۇلار بىلەن بارگاھقا كېلىپ قالغان ئىبرانىيلار فىلىستىيەلىكلەرنى تاشلاپ، سائۇل ۋە يوناتانغا ئەگىشىپ كەلگەن ئىسرائىللارغا قوشۇلۇۋالدى. ئەفرايىم تاغلىق رايونىغا يوشۇرۇنغان ئىسرائىللارمۇ فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاچقانلىقىنى ئاڭلاپ، جەڭگە چىقىپ ئۇلارنى قوغلىدى. شۇ كۈنى پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا چوڭ نۇسرەت بەردى. بۇ جەڭ بەيتئاۋەننىڭ يىراق يەرلىرىگىچە يېيىلدى. ئۇ كۈنى ئىسرائىللار ناھايىتى ھېرىپ ھالىدىن كەتتى. چۈنكى سائۇل ئۇلارنى قەسەم بىلەن باغلاپ: «مەن دۈشمەنلىرىمدىن ئىنتىقام ئېلىپ بولمىغۇچە، كەچ كىرىشتىن بۇرۇن تائام يېگەن كىشى قارغىشقا كەتسۇن» دەپ ئېيتقانىدى. شۇنىڭ بىلەن ھېچكىم ھېچنېمە يېمىدى. لېكىن يوناتان ئاتىسىنىڭ خەلقنى قەسەم بىلەن باغلىغانلىقىنى ئاڭلىمىغانىدى، شۇڭا ئۇ قولىدىكى تايىقىنى ھەرە كۆنىكىگە تىقىپ، ھەسەل ئېلىپ، ئاغزىغا سېلىۋىدى، كۆزى نۇرلىنىپ كەتتى. ئەمما كۆپچىلىكتىن بىرەيلەن ئۇنىڭغا: _ ئاتىڭىز خەلقنى قەسەم بىلەن قاتتىق باغلاپ: «بۈگۈن ھەرقانداق نەرسە يېگەن ئادەم قارغىشقا كەتسۇن» دەپ ئېيتقانىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممەيلەن بەك ھېرىپ، ھالىمىزدىن كەتتۇق، _ دېدى. _ ئاتام ھەممىمىزنى بەك تەڭلىكتە قالدۇرۇپتۇ، _ دېدى يوناتان، _ قاراڭلار، مەن بۇ ھەسەلدىن ئازراق تېتىپ بېقىۋىدىم، كۆزۈم روشەنلىشىپ كەتتى. ئەگەر بۈگۈن خەلق دۈشمەنلىرىمىزدىن ئولجا ئالغان نەرسىلەردىن خالىغىنىچە يېگەن بولسا، تېخىمۇ ياخشى بولماسمىدى؟ بۈگۈن ئۆلتۈرۈلگەن فىلىستىيەلىكلەر تېخىمۇ كۆپ بولماسمىدى؟ شۇ كۈنى ئۇلار فىلىستىيەلىكلەرنى سۈر-توقاي قىلىپ، مىكماستىن ئاييالونغىچە قوغلىدى. ئەمما ھەممەيلەن بارغانسېرى ئاجىزلاپ كەتكەنىدى، شۇڭا ئۇلار ئولجىلارغا ئۆزىنى ئېتىپ، قوي، كالا ۋە موزايلارنى ئۇدۇل كەلگەن يەردە سويۇپ، قېنىنى ئېقىتماي گۆشىنى يېدى. بەزىلەر سائۇلغا: _ خەلق قېنى ئېقىتىلمىغان گۆشلەرنى يېيىش بىلەن پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ قىلدى، _ دەپ ئېيتقانىدى، سائۇل: _ بۇ خۇدانىڭ ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقتۇر! ئەمدى دەرھال بۇ يەرگە چوڭ بىر تاشنى دومىلىتىپ كېلىڭلار، خەلقنىڭ ئارىسىغا بېرىپ، ئۇلارغا ئېيتىڭلار: «ھەربىر كىشى ئۆز مېلىنى يېنىمغا ئەكېلىپ، بۇ يەردە سويۇپ يېسۇن، قېنى ئېقىتىلمىغان گۆشنى يەپ، پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ قىلمىسۇن» _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن ئۇ كېچىسى ئۆز مېلىنى يېتىلەپ كېلىپ، شۇ يەردە سويدى. سائۇل پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىدى، بۇ ئۇنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ياسىغان تۇنجى قۇربانلىق سۇپىسى ئىدى. ئاندىن سائۇل ئادەملىرىگە: _ كېچىچە فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ، تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى تارتىۋېلىپ، ھېچ بىرىنى تىرىك قويمايلى! _ دېدى. _ سىزگە قانداق قىلىش ياخشى بولسا، شۇنداق قىلىڭ، _ دېدى ئۇلار. لېكىن روھانىي سۆز قىستۇرۇپ: _ بىز ئالدى بىلەن خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلەيلى، _ دېدى. سائۇل خۇدادىن: _ مەن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىسام بولامدۇ؟ ئۇلارنى ئىسرائىللارنىڭ قولىغا تاپشۇرامسەن؟ _ دەپ سورىدى. لېكىن شۇ كۈنى خۇدادىن ھېچ جاۋاب كەلمىدى. شۇڭا سائۇل: _ ئەي لەشكەر باشلىرى، ھەممىڭلار بۇ يەرگە كېلىڭلار، بۈگۈن نېمە گۇناھ قىلىنغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقايلى. مەن ئىسرائىللارغا نۇسرەت بەرگۈچى مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، بۇ گۇناھنى قىلغان كىشى ھەتتا ئوغلۇم يوناتان بولسىمۇ ئۆلۈشى كېرەك، _ دېدى. لېكىن خەلقتىن ھېچقانداق سادا چىقمىدى. ئاندىن ئۇ پۈتكۈل ئىسرائىللارغا: _ سىلەر بىر تەرەپتە تۇرۇڭلار، ئوغلۇم يوناتان ئىككىمىز يەنە بىر تەرەپتە تۇرايلى، _ دېدى. _ سىزگە قانداق قىلىش ياخشى بولسا، شۇنداق قىلىڭ، _ دېدى خەلق. سائۇل پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇداغا: _ كىمنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەيسەن، _ دېدى. كېيىن چەك تاشلىنىۋىدى، چەك سائۇل بىلەن يوناتانغا چىقتى، خەلق قۇتۇلدى. سائۇل: _ مەن بىلەن ئوغلۇم يوناتانغا چەك تاشلانسۇن، _ دېدى. چەك يوناتانغا چىقتى. سائۇل يوناتانغا: _ سەن نېمە قىلغانلىقىڭنى ماڭا ئېيت، _ دېدى. _ قولۇمدىكى تاياق بىلەن كىچىككىنە ھەسەل ئېلىپ تېتىپ باققىنىم راست. مانا، ئۆلۈشكە رازىمەن، _ دېدى يوناتان. _ ئەي يوناتان! چوقۇم ئۆلۈشۈڭ كېرەك، بولمىسا خۇدا مېنى ئېغىر جازالىغاي _ دېدى سائۇل. لېكىن خەلق ئۇنىڭغا: _ ئىسرائىللارنى شۇنچىۋالا چوڭ غەلىبە-نۇسرەتكە يەتكۈزگەن يوناتان تۇرسا، ئەجەبا ئۇ ئۆلۈشى كېرەكمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ! بىز مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمىزكى، ئۇنىڭ بىر تال مويىغىمۇ تېگىشكە بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن بۈگۈن شۇنچە چوڭ ئىشنى قىلدى، _ دېدى. ئەنە شۇ تەرىقىدە خەلق يوناتاننى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن سائۇل فىلىستىيەلىكلەرنى قوغلىماي يېنىپ كەتتى، فىلىستىيەلىكلەرمۇ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەتتى. سائۇل ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قولغا ئالغاندىن كېيىن، ئەتراپىدىكى بارلىق دۈشمەنلىرى بىلەن جەڭ قىلدى. موئابلىقلار، ئاممونلار، ئىدوملۇقلار، زوباھتىكى پادىشاھلار ۋە فىلىستىيەلىكلەر بىلەن جەڭ قىلىپ، قايسى تەرەپكە يۈزلەنمىسۇن، ئۇ غەلىبە قىلدى. سائۇل جەڭدە باتۇر ئىدى، ئۇ ئامالەكلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، ئىسرائىللارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغانلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى. سائۇلنىڭ ئوغۇللىرى يوناتان، يىشۋى ۋە مالكىشۇۋالار ئىدى، قىزلىرى بولسا چوڭى مېراب، كىچىكى مىكال ئىدى. سائۇلنىڭ ئايالى ئاخىنوئام بولۇپ، ئاخىمائازنىڭ قىزى ئىدى. سائۇلنىڭ قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى ئابنېر بولۇپ، ئۇ سائۇلنىڭ تاغىسى نېرنىڭ ئوغلى ئىدى. سائۇلنىڭ ئاتىسى كىش بىلەن ئابنېرنىڭ ئاتىسى نېر، ئابىئېلنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. سائۇلنىڭ پۈتۈن ئۆمرى فىلىستىيەلىكلەر بىلەن دائىم قاتتىق جەڭ قىلىش بىلەن ئۆتتى. شۇڭا سائۇل ھەرقاچان كۈچتۈڭگۈر ياكى باتۇر بىرىنى كۆرسە، ئۇنى ئۆز خىزمىتىگە سالاتتى. سامۇئىل سائۇلغا مۇنداق دېدى: _ بېشىڭغا ياغ قۇيۇپ، سېنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقى بولغان ئىسرائىللارغا پادىشاھلىققا تەيىنلىگىلى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئادەم مەن بولىمەن. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇكى: «ئىسرائىللار مىسىردىن چىققان چاغدا، ئامالەكلەرنىڭ ئۇلارغا قارشى چىققانلىقلىرى ئۈچۈن، مەن ئامالەكلەرنى جازالايمەن. ئەمدى سەن ئامالەكلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، پۈتۈن خەلقىنى مال-مۈلۈكلىرى بىلەن _ ئەر-ئايال، بالا-چاقا، قوي-كالا، تۆگە ۋە ئېشەكلەرگىچە ئىچ ئاغرىتىپ ئولتۇرماي تەلتۆكۈس يوقىتىۋەت.» شۇنىڭدىن كېيىن سائۇل لەشكەرلەرنى تىلائىمغا يىغىپ، ساناقتىن ئۆتكۈزدى. پىيادە لەشكەرلەر سانى يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئون مىڭ، ئىسرائىلىيەنىڭ باشقا قەبىلىلىرىدىن بولسا جەمئىي ئىككى يۈز مىڭ چىقتى. سائۇل ئامالەكلەرنىڭ شەھىرىگە كېلىپ، جىلغىدا بۆكتۈرمىدە ياتتى. ئاندىن قېنلارغا: «ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندا، ئۇلارغا مېھرىبانلىق كۆرسەتكەنىدىڭلار، شۇڭا سىلەرنى ئامالەكلەر بىلەن قوشۇپ يوقىتىۋەتمەسلىكىم ئۈچۈن، ئەمدى ئامالەكلەردىن بۆلۈنۈپ چىقىپ كېتىڭلار!» دەپ خەۋەر بەردى. سائۇل ئامالەكلەرنى خاۋىلا دېگەن يەردىن تاكى مىسىرنىڭ شەرقىدىكى شۇر دېگەن يەرگىچە قوغلاپ قىرىپ، ئامالەكلەرنىڭ پادىشاھى ئاگاگنى تىرىك تۇتۇپ، قالغان پۈتۈن خەلقىنى قىلىچ بىلەن تەلتۆكۈس يوقاتتى. ئەمما سائۇل بىلەن خەلق ئاگاگغا، شۇنداقلا سېمىز كالا، قوي، موزاي ۋە قوزىلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، قىممىتى بارلىكى ماللارنى ئۆلتۈرمەي، قىممىتى يوق ئەرزىمەسلىرىنىڭ بىرىنىمۇ قويماي يوقىتىۋەتتى. بۇ چاغدا سامۇئىلغا پەرۋەردىگاردىن مۇنداق ۋەھىي كەلدى: «سائۇل مەندىن يۈز ئۆرۈپ، بۇيرۇقىمنى ئىجرا قىلمىدى، ئۇنى پادىشاھ قىلغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم». سامۇئىل قەۋەتلا ئاچچىقلىنىپ، پۈتۈن كېچە پەرۋەردىگارغا نالە-پەرياد قىلىپ چىقتى. سامۇئىل ئەتىسى سەھەر قوپۇپ سائۇلنىڭ قېشىغا بارغاندا، ئۇنىڭغا: «سائۇل كارمەلگە بېرىپ، ئۆز شەرىپىگە بىر خاتىرە مۇنارى تەيىنلەپ، ئاندىن گىلگالغا كېتىپتۇ» دېگەن خەۋەر يېتىپ كەلدى. سامۇئىل سائۇلنىڭ يېنىغا كېلىۋىدى، سائۇل ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگار سىزگە بەخت ئاتا قىلغاي! مەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلدىم، _ دېدى. سامۇئىل ئۇنىڭغا: _ قۇلىقىمغا قويلارنىڭ مەرەشلىرى، كالىلارنىڭ مۆرەشلىرى ئاڭلىنىدىغۇ، بۇ نېمە ئىش؟ _ دېۋىدى، سائۇل ئۇنىڭغا: _ ئۇ، ئادەملىرىمنىڭ ئامالەكلەردىن ئالغان ئولجىلىرى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭىزغا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ئۇلار سېمىز كالا، قويلارنى ئاياپ، ساقلاپ قېلىشتى. قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىز تەلتۆكۈس يوقىتىۋەتتۇق، _ دېدى. سامۇئىل سائۇلغا قاراپ: _ توختاپ تۇر! مەن ساڭا پەرۋەردىگارنىڭ تۈنۈگۈن ئاخشام ماڭا دېگەن سۆزلىرىنى ئېيتىپ بېرەي، _ دېدى. _ قېنى، مەرھەمەت، _ دېدى سائۇل. _ گەرچە ئۆزۈڭنى مۇھىم ئادەم ئەمەس، دەپ ھېسابلاپ يۈرسەڭمۇ، ئەمەلىيەتتە ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ باشلىقى ئەمەسمۇسەن؟ _ دېدى سامۇئىل سائۇلغا، _ پەرۋەردىگار سېنىڭ بېشىڭغا ياغ قۇيدۇرۇپ، سېنى ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى قىلدى. پەرۋەردىگار ساڭا: «بېرىپ، ئاشۇ گۇناھكار ئامالەكلەرنى تەلتۆكۈس قەتل قىلىۋەت، ھەممىسىنى يوقاتقۇچە ئۇلار بىلەن جەڭ قىل» دەپ ئەمر بېرىپ، سېنى يولغا سالغانىدى. سەن نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلماي، جەڭ ئولجىلىرىنى ئېلىشقا ئالدىراپ، پەرۋەردىگار يامان دەپ قارىغان ئىشلارنى قىلدىڭ؟ _ مەن ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلدىم، _ دېدى سائۇل سامۇئىلغا، _ پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن يولىدا ماڭدىم، ئامالەكلەرنىڭ پادىشاھى ئاگاگنى تۇتۇپ، ئامالەكلەرنى تەلتۆكۈس يوقاتتىم. ئادەملىرىم بولسا: «گىلگالدا پەرۋەردىگار خۇدايىڭىزغا قۇربانلىق قىلايلى» دەپ، تەلتۆكۈس قىرىپ تاشلىنىشقا تېگىشلىك بولغان ئولجىلارنىڭ ئىچىدىن ئەڭ ياخشى قوي، كالىلارنى تاللاپ ئېلىشتى، خالاس. _ پەرۋەردىگار ھەرقانداق كۆيدۈرمە ۋە باشقا قۇربانلىقلاردىن كۆرە، ئۆزىگە ئىتائەت قىلىشنى ياخشى كۆرمەسمۇ؟ _ دېدى سامۇئىل، _ بىلگىنكى، ئىتائەت قىلىش، قۇربانلىق قىلىشتىن ياخشىدۇر، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش، قوچقار مېيىنى كۆيدۈرۈپ ھەدىيە قىلىشتىن ئەۋزەلدۇر. ئۆز بېشىمچىلىق قىلىشنىڭ گۇناھى، جادۇگەرلىك گۇناھىغا ئوخشاشلا ياماندۇر. جاھىللىقنىڭ گۇناھى بولسا، بۇتقا چوقۇنۇشنىڭ گۇناھىغا ئوخشاشلا ئېغىردۇر. سەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى تاشلىۋەتكەنلىكىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگارمۇ سېنى پادىشاھلىقتىن ئېلىپ تاشلىۋەتتى. _ مەن گۇناھ ئۆتكۈزدۈم! _ دېدى سائۇل سامۇئىلغا، _ مەن خەلقتىن قورقۇپ، ئۇلارنىڭ گېپىگە كىرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقىغا ۋە سىزنىڭ گېپىڭىزگە خىلاپلىق قىلىپتىمەن. ئەمدى سىزدىن تىلەيكى، گۇناھىمدىن كېچىپ، مەن بىلەن بىللە قايتسىڭىز، شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلاي. _ مەن سەن بىلەن بىللە قايتمايمەن، _ دېدى سامۇئىل سائۇلغا، _ سەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى تاشلىۋەتكەنلىكىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگارمۇ سېنى پادىشاھلىقتىن ئېلىپ تاشلىۋەتتى. سامۇئىل ئارقىغا بۇرۇلۇپ ماڭماقچى بولۇۋىدى، سائۇل ئۇنىڭ تونىنىڭ پېشىگە ئېسىلىپ، ئۇنى تارتىپ يىرتىۋەتتى. _ پەرۋەردىگار بۈگۈن ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنى سېنىڭ قولۇڭدىن تارتىۋېلىپ، ئۇنى سەندىن ياخشىراق بىرسىگە بەردى، _ دېدى سامۇئىل سائۇلغا، _ ئىسرائىللارنىڭ مەڭگۈلۈك خۇداسى يالغان سۆزلىمەيدۇ، ئىرادىسىدىن يانمايدۇ. ئۇ ئىنسان ئەمەس، ھەرگىز ئىرادىسىنى ئۆزگەرتمەيدۇ. _ مەن گۇناھكارمەن، شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ خەلقىمنىڭ ئاقساقاللىرى ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنى قىلىپ مەن بىلەن بىللە قايتىڭ، شۇنىڭ بىلەن مەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭىزغا ئىبادەت قىلاي، _ دېدى سائۇل. شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل سائۇل بىلەن بىللە قايتتى، سائۇل پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى. سامۇئىل ئامالەكلەرنىڭ پادىشاھى ئاگاگنى ئۆزىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشنى ئېيتتى. ئاگاگ ئۆزىچە: «ئەمدى ئۆلۈم خەۋپى ئۆتۈپ كەتتى» دەپ ئويلىدى ۋە خاتىرجەم ھالدا سامۇئىلنىڭ ئالدىغا كەلدى. _ سەن شەمشىرىڭ بىلەن ئانىلارنى بالىلىرىدىن ئايرىغانىدىڭ، خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش سېنىڭ ئاناڭمۇ ئۆز ئوغلىدىن ئايرىلسۇن، _ دېدى سامۇئىل ۋە گىلگالدا پەرۋەردىگار ئالدىدا ئاگاگنى شەمشەر بىلەن چېپىپ تاشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل راماھقا قايتتى، سائۇلمۇ گىبئاھقا _ ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەتتى. سامۇئىل تاكى ئالەمدىن ئۆتكۈچە سائۇلنى قايتا كۆرمىدى، لېكىن ئۇنىڭ ئۈچۈن قايغۇرۇپ يۈردى. پەرۋەردىگار سائۇلنى ئىسرائىللارغا پادىشاھ قىلغىنىغا پۇشايمان قىلغانىدى. پەرۋەردىگار سامۇئىلغا مۇنداق دېدى: _ مەن سائۇلنىڭ ئىسرائىلغا پادىشاھ بولۇشىنى رەت قىلغان تۇرسام، سەن قاچانغىچە قايغۇرىسەن؟ سەن مۈڭگۈزگە زەيتۇن يېغى تولدۇرۇپ بەيتلەھەملىك يىشاينىڭكىگە بار، مەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرىنى ئۆزۈمگە پادىشاھ قىلىپ تاللىدىم. _ مەن قانداق بارىمەن؟ سائۇل ئاڭلاپ قالسا، مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ، _ دېدى سامۇئىل. _ سەن بىر چىشى موزاينى ئالغاچ بار ۋە: «مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلغىلى كەلدىم» دېگىن. يىشاينى قۇربانلىق گۆشىنى يېيىشكە تەكلىپ قىل، شۇ چاغدا مەن ساڭا نېمە قىلىشىڭنى دەپ بېرىمەن. سەن مەن ساڭا ئۆزۈم كۆرسىتىدىغان ئادەمنىڭ بېشىغا ياغ قۇي، _ دېدى پەرۋەردىگار. سامۇئىل پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنى بويىچە قىلدى. ئۇ بەيتلەھەمگە يېتىپ كەلگەندە، يۇرت ئاقساقاللىرى قورقۇنچ بىلەن ئۇنى قارشى ئېلىپ: _ ئامانلىق بولسۇن دەپ كەلدىلىمۇ؟ _ دەپ سورىدى. ئۇ ئاقساقاللارغا: _ ئامانلىق بولسۇن دەپ كەلدىم، پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلغىلى كەلدىم. ئۆزۈڭلارنى پاكلاپ، مەن بىلەن بىللە قۇربانلىق گۆشى يېيىشكە كېلىڭلار، _ دېدى. سامۇئىل يىشاي بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى پاكلىغاندىن كېيىن، ئۇلارنى قۇربانلىق گۆشى يېيىشكە تەكلىپ قىلدى. ئۇلار كەلگەن چاغدا سامۇئىلنىڭ كۆزى ئەلىئابقا چۈشۈپ، ئىچىدە: «پەرۋەردىگارنىڭ تاللىغىنى مۇشۇ بولسا كېرەك» دەپ ئويلىدى. لېكىن پەرۋەردىگار سامۇئىلغا: «ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى بىلەن ئېگىز بەستىگىلا قارىما، مەن ئۇنى رەت قىلدىم. پەرۋەردىگار بەندىلەرگە ئوخشاش تاشقى كۆرۈنۈشكە قارىمايدۇ، قەلبكە قارايدۇ» دېدى. يىشاي ئۆزىنىڭ ئوغلى ئابىنادابنى سامۇئىلنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزگەنىدى. سامۇئىل: _ پەرۋەردىگار ئۇنى تاللىمىدى، _ دېدى. يىشاي شامماھنى سامۇئىلنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزۈۋىدى، سامۇئىل: _ پەرۋەردىگار ئۇنىمۇ تاللىمىدى، _ دېدى. يىشاي ئۇ يەردىكى يەتتە ئوغلىنىڭ ھەممىسىنى سامۇئىلنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزۈۋىدى، سامۇئىل: _ پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى تاللىماپتۇ، _ دېدى ۋە _ ئوغۇللىرىڭىزنىڭ ھەممىسى مۇشۇمۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ كەنجىممۇ بار، ئۇ ھازىر قوي بېقىۋاتىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى يىشاي. _ چاقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتىڭ، _ دېدى سامۇئىل يىشايغا، _ ئۇ كەلمىگۈچە، داستىخانغا ئولتۇرمايمىز. يىشاي ئادەم ئەۋەتىپ داۋۇتنى چاقىرىپ كەلدى. داۋۇت كۆزلىرى يېنىپ تۇرىدىغان، ئىككى مەڭزى قىزىل، كېلىشكەن بىر يىگىت ئىدى. پەرۋەردىگار: «دەل مۇشۇ، بېرىپ ئۇنىڭ بېشىغا ياغ قۇي!» دېدى. سامۇئىل مۈڭگۈزدىكى زەيتۇن يېغىنى ئېلىپ، ئاكىلىرى ئالدىدا ئۇنىڭ بېشىغا قۇيدى. شۇ كۈندىن تارتىپ پەرۋەردىگارنىڭ روھى داۋۇتقا كۈچلۈك چۈشۈشكە باشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل راماھقا قايتىپ كەتتى. پەرۋەردىگارنىڭ روھى سائۇلدىن ئايرىلدى. پەرۋەردىگار تەرەپتىن ئەۋەتىلگەن بىر يامان روھ ئۇنى قاتتىق ۋەھىمىگە سېلىشقا باشلىدى. سائۇلنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا: _ ھازىر پەرۋەردىگار تەرەپتىن ئەۋەتىلگەن بىر يامان روھنىڭ ئۆزلىرىنى قاتتىق قورقۇنچقا سېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. خوجام، بىزگە لىرانى ياخشى چالىدىغان بىر ئادەم تېپىپ كېلىشكە بۇيرۇق قىلغايلا، پەرۋەردىگار تەرەپتىن يامان روھ كېلىپ ئۆزلىرىنى تۇتۇپ قالغاندا ئۇ ئادەم لىرا چالسا، ئۆزلىرى ياخشى بولۇپ قالىلا، _ دېگەنىدى. سائۇل ئەمەلدارلىرىغا: _ مەن ئۈچۈن ئۇستا بىر لىراچىنى تېپىپ يېنىمغا ئەكېلىڭلار، _ دېدى. _ مەن بەيتلەھەملىك يىشاينىڭ بىر ئوغلىنى كۆرگەن، ئۇ لىرا چېلىشقا ئۇستا ئىكەن. ئۇ باتۇر، جەڭدە جەسۇر، دانالىق بىلەن سۆزلەيدىغان، تولىمۇ كېلىشكەن يىگىت ئىكەن، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ياردۇر، _ دېدى بىر غۇلام. سائۇل بۇنى ئاڭلاپ يىشايغا چاپارمەنلەرنى ئەۋەتىپ: «قوي باقىدىغان داۋۇت دېگەن ئوغلۇڭنى مېنىڭ يېنىمغا ئەۋەتىۋەت» دېدى. يىشاي ئوغلى داۋۇت بىلەن بىرگە بىر ئوغلاقنى، نان ئارتىلغان بىر ئېشەكنى ۋە بىر تۇلۇم شارابنى قوشۇپ سائۇلغا ئەۋەتتى. داۋۇت سائۇلنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، ئۇنىڭ خىزمىتىگە كىرىشتى. داۋۇتقا سائۇلنىڭ قاتتىق مېھرى چۈشۈپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئۆزىنىڭ قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسى قىلىۋالدى. ئاندىن سائۇل يىشايغا: «داۋۇت ماڭا ياراپ قالدى. يېنىمدا قېلىپ خىزمىتىمنى قىلسۇن» دەپ خەۋەر ئەۋەتتى. شۇ كۈندىن باشلاپ پەرۋەردىگار تەرەپتىن كەلگەن يامان روھ سائۇلنى تۇتقاندا، داۋۇت لىرانى قولىغا ئېلىپ چالاتتى، شۇنىڭ بىلەن سائۇل ئارام تېپىپ، ياخشى بولۇپ قالاتتى، يامان روھمۇ ئۇنىڭدىن چىقىپ كېتەتتى. فىلىستىيەلىكلەر جەڭ قىلىش ئۈچۈن قوشۇنلىرىنى يىغىپ، يەھۇدا زېمىنىغا تەۋە سوكوھ دېگەن شەھەردە جەم بولدى. ئۇلار سوكوھ ۋە ئازېقا شەھەرلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئەفەس-داممىم دېگەن يەردە بارگاھ قۇردى. سائۇل بىلەن ئىسرائىلىيە لەشكەرلىرىمۇ بىرلىشىپ، ئېلاھ جىلغىسىدا بارگاھ قۇرۇپ، قوشۇنلىرىنى تىزىپ، فىلىستىيەلىكلەر بىلەن جەڭ قىلىشقا تەييارلاندى. فىلىستىيەلىكلەر بۇ تەرەپتىكى تاغدا، ئىسرائىللار بولسا ئۇ تەرەپتىكى تاغدا تۇرۇشتى، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر جىلغا بار ئىدى. فىلىستىيەلىكلەر تەرەپتىن گوليات دېگەن بىر كۈچتۈڭگۈر ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇ گات شەھىرىدىن بولۇپ، بويىنىڭ ئېگىزلىكى ئۈچ مېتىرغا يېقىن ئىدى. بېشىغا تۇچ دۇبۇلغا، ئۇچىسىغا زەنجىر ساۋۇت كىيىپ قوراللانغان بولۇپ، زەنجىر ساۋۇتنىڭ ئېغىرلىقى ئاتمىش كىلوغا يېقىن كېلەتتى. پاچىقىغا تۇچتىن يۆگەك باغلاپ، ئۆشنىسىگە بىر تۇچ نەيزە ئېسىۋالغانىدى. قولىدىكى نەيزىسىنىڭ دەستىسى رەخت توقۇيدىغان دەستىگاھنىڭ ئوقىدەك توم ئىدى، تۆمۈر ئۇچىنىڭ ئېغىرلىقى بولسا تەخمىنەن يەتتە كىلو كېلەتتى. گولياتنىڭ ئالدىدا بىر لەشكەر ئۇنىڭ چوڭ قالقىنىنى كۆتۈرۈپ ماڭاتتى. گوليات ئىسرائىللارغا قاراپ تۇرۇپ، مۇنداق دەپ توۋلىدى: _ سىلەر سەپ تۈزۈپ نېمە قىلماقچىسىلەر؟ مانا مەن فىلىستىيەلىكقۇ؟ سىلەر پەقەتلا سائۇلنىڭ قۇللىرى ئەمەسمۇ؟ قېنى، ئىچىڭلاردىن بىرەيلەننى تاللاپ، مېنىڭ يېنىمغا كەلتۈرۈڭلار. ئەگەر ئۇ مەن بىلەن ئېلىشىپ مېنى ئۆلتۈرۈۋېتەلىسە، بىز سىلەرگە قۇل بولايلى؛ ئەگەر ئۇنى مەن يېڭىپ ئۆلتۈرۈۋېتەلىسەم، سىلەر بىزگە قۇل بولۇپ، خىزمىتىمىزنى قىلىڭلار. ئۇ فىلىستىيەلىك سۆزىنى يەنە داۋاملاشتۇردى: _ مەن بۈگۈن ئىسرائىلىيە قوشۇنىنى شەرمەندە قىلىمەن. قېنى، مەن بىلەن ئېلىشقىلى بىر ئادەم چىقىرىڭلار! سائۇل ۋە پۈتۈن ئىسرائىللار بۇ فىلىستىيەلىكنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ، ئالاقزادە بولۇپ، قورقۇشۇپ كەتتى. داۋۇت يەھۇدا زېمىنىنىڭ بەيتلەھەم شەھىرىدىكى ئەفراتا جەمەتىدىن بولغان يىشاي دېگەن ئادەمنىڭ بالىسى بولۇپ، يىشاينىڭ سەككىز ئوغلى بار ئىدى. سائۇل ھۆكۈم سۈرگەن دەۋردە يىشاي ياشىنىپ قالغان بولۇپ، كۆپچىلىك ئۇنى ھۆرمەتلەيتتى. يىشاينىڭ ئۈچ چوڭ ئوغلى سائۇل بىلەن جەڭگە چىققانىدى. جەڭگە چىققان تۇنجى ئوغلىنىڭ ئېتى ئەلىئاب، ئىككىنچىسىنىڭ ئېتى ئابىناداب، ئۈچىنچىسىنىڭ بولسا شامماھ ئىدى. داۋۇت ئوغۇللارنىڭ ئەڭ كىچىكى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچ چوڭ ئاكىسى سائۇل بىلەن بىللە جەڭگە چىققانىدى. داۋۇت بەزىدە سائۇلدىن ئايرىلىپ بەيتلەھەمگە قايتىپ، ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى بېقىپ كېلەتتى. ھېلىقى فىلىستىيەلىك گوليات قىرىق كۈنگىچە ئەتىگىنى ۋە ئاخشىمى چىقىپ، ئۇرۇشۇشقا دەۋەت قىلىپ تۇردى. بىر كۈنى يىشاي ئوغلى داۋۇتقا: _ ئوغلۇم، سەن ماۋۇ بىر خالتا قوماچ بىلەن ئون ناننى يۈگۈرۈپ بېرىپ بارگاھقا، ئاكىلىرىڭغا ئاپىرىپ بەرگىن. يەنە مۇنۇ ئون بولاق ئىرىمچىكنى ئۇلارنىڭ قوماندانىغا بەر ھەم ئاكىلىرىڭنىڭ ھال-ئەھۋالىنى ئۇقۇپ، ئۇلاردىن بىرەر نىشانە ئالغاچ كەل، _ دېدى. داۋۇتنىڭ ئۈچ ئاكىسى سائۇل پادىشاھ ۋە باشقا ئىسرائىللار بىلەن بىرلىكتە ئېلاھ جىلغىسىدا فىلىستىيەلىكلەرگە قارشى جەڭ قىلىۋاتاتتى. داۋۇت ئەتىسى سەھەر تۇرۇپ، قويلىرىنى باشقا بىر پادىچىغا تاپشۇرۇپ قويۇپ، ئاتىسى يىشاينىڭ سۆزى بويىچە يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ يولغا چىقتى. ئۇ بارگاھقا كەلگەندە ئىسرائىللار قوشۇنى جەڭگە چىقىۋاتقان بولۇپ، ھەممەيلەن چۇقان كۆتۈرۈۋاتاتتى. ئىسرائىللار بىلەن فىلىستىيەلىكلەر جەڭ قىلىش ئۈچۈن يۈزمۇيۈز سەپ تۈزۈپ تۇرۇشتى. داۋۇت نەرسىلىرىنى تەمىنات باشقۇرغۇچىغا تاپشۇرۇپ، ئۆزى قوشۇننىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ ئاكىلىرىغا سالام قىلدى. ئۇ ئۇلار بىلەن سۆزلىشىپ تۇرغاندا، گاتلىق كۈچتۈڭگۈر گوليات فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قوشۇنىدىن چىقىپ، ئاۋۋالقى سۆزلىرىنى تەكرار توۋلىدى. داۋۇت ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇردى. ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى گولياتنى كۆرۈش بىلەنلا ناھايىتى قورقۇپ قېچىشتى. ئىسرائىللار بىر-بىرىگە: «ئەنە، ئۇنى كۆردۈڭلارمۇ؟ يەنە ئىسرائىللارنى ھاقارەتلەۋاتىدۇ. پادىشاھ ئۇنى ئۆلتۈرگەن ئادەمگە جىق بايلىق ئىنئام قىلىپ، ئۆز قىزىنىمۇ خوتۇنلۇققا بېرىدىكەن، ئۇ ئادەمنىڭ ئاتىسىنىڭ ئائىلىسىنى بولسا ھەر خىل باج-سېلىقتىن خالاس قىلىدىكەن» دېيىشىۋاتاتتى. داۋۇت يېنىدا تۇرغانلاردىن: _ بۇ فىلىستىيەلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئىسرائىللارنى بۇ ھاقارەتتىن خالاس قىلغان كىشى نېمىگە ئېرىشىدىكەن؟ مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ قوشۇنىغا ھاقارەت قىلىدىغان بۇ خەتنىسىز فىلىستىيەلىك ئۆزىنى كىم دەپ ئويلايدىكەن؟ _ دەپ سورىدى. كىشىلەر ئۇنىڭغا، گولياتنى ئۆلتۈرگەن كىشىگە بېرىلىدىغان ئىنئاملارنى دەپ بەردى. داۋۇتنىڭ ئەڭ چوڭ ئاكىسى ئەلىئاب داۋۇتنىڭ كىشىلەر بىلەن قىلىشقان گېپىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئاچچىقلاپ: _ نېمىدەپ بۇ يەرگە كەلدىڭ؟ دالادىكى بار-يوقى بىرقانچە قويلارنى كىمگە تاپشۇردۇڭ؟ مەن سېنىڭ كىبىرلىكىڭنى ۋە كۆڭلۈڭدىكى يامان ئويۇڭنى بىلىمەن. سەن ئەمەلىيەتتە جەڭنى كۆرگىلى كەلدىڭ، _ دېدى. داۋۇت بولسا: _ مەن نېمە قىلدىم، سوئال سوراشقا بولمامدۇ؟ _ دەپ جاۋاب قايتۇردى ۋە ئاكىسىنىڭ يېنىدىن كېتىپ، باشقا ئادەملەردىن شۇ سوئالنى تەكرار سورىدى، يەنىلا ئوخشاش جاۋابقا ئېرىشتى. داۋۇتنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغانلار ئۇنىڭ دېگىنىنى سائۇلغا يەتكۈزگەنىدى، سائۇل داۋۇتنى قىچقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى. داۋۇت سائۇلغا: _ ئالىيلىرى، ھېچكىمنىڭ ئاشۇ فىلىستىيەلىكتىن قورقۇپ، ئالاقزادە بولۇشىنىڭ ھاجىتى يوق. پېقىر ئۇ فىلىستىيەلىك بىلەن ئېلىشىشقا چىقىمەن، _ دېدى. _ سەن قانداقمۇ ئۇ فىلىستىيەلىك بىلەن ئېلىشىشقا چىقالايسەن؟ سەن تېخى كىچىك تۇرساڭ، ئۇ بولسا ياش ۋاقتىدىن بېرى جەڭچى، _ دېدى سائۇل. _ ئالىيلىرى، پېقىر، ئاتامنىڭ قويلىرىنى بېقىپ كېلىۋاتىمەن، شىر ياكى ئېيىق كېلىپ قويلاردىن بىرەرسىنى ئېلىپ قاچسا، ئۇلارنى قوغلاپ بېرىپ ئۇرۇپ، ئېغىزلىرىدىن قويلارنى تارتىۋالىمەن. ئۇلار قوپۇپ ماڭا يانسا، يايلىرىدىن تۇتۇۋېلىپ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىمەن. پېقىر شىرنىمۇ ئۆلتۈرگەن، ئېيىقنىمۇ ئۆلتۈرگەن، مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ قوشۇنىغا ھاقارەت قىلىۋاتقان ئاۋۇ خەتنىسىز فىلىستىيەلىكنىڭ ئاقىۋىتى ئاشۇ شىر ۋە ئېيىقتەك بولسۇن، _ دېدى داۋۇت ۋە گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ، _ پەرۋەردىگار مېنى شىر ۋە ئېيىقنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇۋالغاندەك، ئاشۇ فىلىستىيەلىكنىڭ چاڭگىلىدىنمۇ قۇتقۇزۇۋالىدۇ، _ دېدى. _ بوپتۇ ئەمىسە، بارغىن! پەرۋەردىگار ساڭا يار بولسۇن، _ دېدى سائۇل داۋۇتقا ۋە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ جەڭ كىيىملىرىنى، يەنى ئۇچىسىغا زەنجىر ساۋۇتنى ۋە بېشىغا تۇچ دۇبۇلغىسىنى كىيدۈرۈپ قويدى. داۋۇت سائۇلنىڭ قىلىچىنى جەڭ كىيىملىرىنىڭ ئۈستىدىن ئاستى-دە، مېڭىپ باقماقچى بولدى، ئەمما بۇرۇن جەڭ كىيىملىرىنى كىيىپ باقمىغاچقا، تۈزۈك ماڭالمىدى، ئۇ سائۇلغا: _ مەن بۇ كىيىملەرنى كىيىپ جەڭ قىلالمايمەن، چۈنكى مەن ئۇلارغا ئادەتلەنمىگەن، _ دېدى ۋە ئۇلارنى سېلىۋەتتى. ئۇ قولىغا تايىقىنى ئېلىپ، جىلغىدىن بەش سىلىق تاشنى تېرىۋالدى ۋە ئۇلارنى پادىچى خالتىسىغا سالدى. قولىغا بولسا سالغىسىنى ئېلىپ، ئۇ فىلىستىيەلىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ئۇ فىلىستىيەلىك گولياتمۇ داۋۇت تەرەپكە قاراپ يېقىنلىشىپ كەلدى، قالقان كۆتۈرگۈچىسى بولسا ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭدى. داۋۇت ئىككى مەڭزى قىزىل، كېلىشكەن ياش بالا بولغاچقا، ئۇ فىلىستىيەلىك ئۇنىڭغا زەن سېلىپ قاراپ قويۇپ، مەنسىتمىدى. فىلىستىيەلىك داۋۇتقا: _ سەن قولۇڭغا تاياق ئېلىپ، مېنىڭ يېنىمغا كېلىپسەن، مەن ئىتمىدىم؟ _ دېدى ۋە ئۆزىنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ ناملىرى بىلەن داۋۇتنى قارغىدى. ئۇ يەنە داۋۇتقا مۇنداق دېدى: _ كېلىۋەر، مەن تېنىڭنى ھاۋادىكى قاغا-قۇزغۇنلارغا، دالادىكى ياۋايى ھايۋانلارغا بېرەي! _ سەن نەيزە-قىلىچ بىلەن ماڭا قارشى كەلدىڭ، _ دېدى داۋۇت ئۇ فىلىستىيەلىككە، _ لېكىن مەن بولسام سەن ھاقارەتلەپ تۇرغان ئىسرائىلىيە قوشۇنىنىڭ خۇداسى _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ساڭا قارشى كەلدىم. مانا بۈگۈن پەرۋەردىگار سېنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرىدۇ، سېنى ئۆلتۈرۈپ، كاللاڭنى تېنىڭدىن جۇدا قىلىمەن، شۇنداقلا فىلىستىيەلىك لەشكەرلەرنىڭ جەسەتلىرىنى ھاۋادىكى قاغا-قۇزغۇنلارغا ۋە يەر يۈزىدىكى ھايۋانلارغا بېرىمەن. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئالەمدىكىلەر ئىسرائىللارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ قالىدۇ. يەنە بۇ يەرگە يىغىلغان ھەممەيلەن شۇنى بىلىدۇكى، پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى قۇتقۇزۇشتا قىلىچ بىلەن نەيزىگە تايانمايدۇ، ئۇ جەڭدە شۈبھىسىز غالىب كەلگۈچىدۇر، ئۇ سىلەرنى بىزنىڭ قولىمىزغا تاپشۇرىدۇ. گوليات داۋۇتقا ھۇجۇم قىلغىلى ئۇنىڭ ئالدىغا قاراپ توختىماي ماڭغاندا، داۋۇت ئۇ فىلىستىيەلىك بىلەن ئېلىشىش ئۈچۈن ئۇ تەرەپكە قاراپ ئىتتىك يۈگۈردى. داۋۇت خالتىسىدىن بىر تاشنى ئېلىپ سالغىسىغا سېلىپ بىر ئېتىۋىدى، ئۇ تاش فىلىستىيەلىكنىڭ دەل پېشانىسىگە تېگىپ، پېتىپ كىردى. فىلىستىيەلىك يەرگە دۈم چۈشتى. شۇنداق قىلىپ داۋۇت ئۇ فىلىستىيەلىكنى سالغا ۋە تاش بىلەن يەڭدى. ئۇ چاغدا داۋۇتنىڭ قولىدا قىلىچ يوق ئىدى. ئۇ يۈگۈرۈپ كېلىپ فىلىستىيەلىكنىڭ غىلىپىدىن قىلىچىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئۇنىڭ بېشىنى كېسىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئۇ فىلىستىيەلىكنى ئۆلتۈردى. فىلىستىيەلىكلەر ئۆز پالۋىنىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ قاچتى. يەھۇدا قەبىلىسىدىن ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ باشقا قەبىلىلىرىدىن كەلگەن لەشكەرلەر قىيا-چىيا قىلىشىپ، فىلىستىيەلىكلەرنى گاتقىچە ۋە ئەقرون قوۋۇقىغىچە قوغلاپ باردى. ئۆلتۈرۈلگەن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ جەسىتى شائارايىمغا بارىدىغان يولغىچە، ھەتتا گات ۋە ئەقرونغىچە يېتىپ كەتتى. ئىسرائىللار فىلىستىيەلىكلەرنى قوغلاپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بارگاھىنى بۇلاپ-تالىدى. داۋۇت گولياتنىڭ بېشىنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى، ئۇنىڭ قورال-يارىغىنى بولسا ئۆز چېدىرىدا قالدۇردى. سائۇل داۋۇتنىڭ ھېلىقى فىلىستىيەلىكنىڭ ئالدىغا ئېلىشىشقا چىققانلىقىنى كۆرۈشى ھامان، قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى ئابنېردىن: _ ھەي ئابنېر، بۇ يىگىت كىمنىڭ ئوغلى ئىكەن؟ _ دەپ سورىدى. _ ئى پادىشاھى ئالەم، نامىڭىز بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن راستتىنلا بىلمەيدىكەنمەن، _ دېدى ئابنېر. _ سەن بېرىپ سوراپ باق، ئۇ يىگىت زادى كىمنىڭ ئوغلى ئىكەن، _ دېدى پادىشاھ. داۋۇت فىلىستىيەلىكنى ئۆلتۈرۈپ كەلگەندە، ئابنېر ئۇنى سائۇلنىڭ ھۇزۇرىغا باشلاپ كىردى، فىلىستىيەلىكنىڭ بېشى ئۇنىڭ قولىدا ئىدى. _ ھەي يىگىت! سەن كىمنىڭ ئوغلى بولىسەن؟ _ دەپ سورىدى سائۇل. _ مەن بەيتلەھەملىك قۇللىرى يىشاينىڭ ئوغلى بولىمەن، _ دېدى داۋۇت. داۋۇت بىلەن سائۇلنىڭ سۆھبىتى ئەمدى ئاياغلىشىشى بىلەنلا، سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتاننىڭ كۆڭلى داۋۇتقا شۇنداق باغلاندىكى، ئۇنى ئۆز جېنىنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرۈپ قالدى. سائۇل شۇ كۈندىن باشلاپ داۋۇتنى ئۆز يېنىغا ئېلىپ قېلىپ، ئاتىسىنىڭ قېشىغا كەتكىلى قويمىدى. يوناتان داۋۇتنى ئۆز جېنىدەك ئەزىز كۆرگەچكە، ئۇنىڭ بىلەن دوستلىشىشقا ئەھدە قىلدى. يوناتان ئۈستىدىكى تونىنى سېلىپ داۋۇتقا بەردى، جەڭ كىيىمى، قىلىچى، ئوقيا ۋە كەمىرىنىمۇ بەردى. سائۇل داۋۇتنى نەگىلا ۋەزىپىگە ئەۋەتمىسۇن، ئۇ شۇ يەرگە بېرىپ، ۋەزىپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا پۈتتۈرۈپ كېلەتتى. شۇڭا سائۇل ئۇنى لەشكەر بېشى قىلىپ قويدى، بۇنىڭدىن لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسى ۋە سەركەردىلەر بىردەك مەمنۇن بولدى. داۋۇت گولياتنى ئۆلتۈرۈپ كۆپچىلىك بىلەن بىللە قايتىپ كەلگەن چاغدا، ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن قىز-چوكانلار چىقىپ، شادلىقتا داپ-دۇمباق ۋە تارلىق سازلارنى چېلىپ، قوشاق ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، سائۇل پادىشاھنى قارشى ئېلىشتى. قىز-چوكانلار: «سائۇل قىردى مىڭلاپ-مىڭلاپ، داۋۇت قىردى تۈمەنلەپ-تۈمەنلەپ» دەپ ئۇسسۇل ئويناپ، قوشاقلار قاتقانىدى. سائۇل بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلەندى، چۈنكى بۇ قوشاق ئۇنىڭغا ياقمىغانىدى. شۇڭا: _ ئۇلار تۈمەننى ئۆلتۈرۈشنىڭ شەرىپىنى داۋۇتقا، مىڭنى ئۆلتۈرۈشنىڭ شەرىپىنى ماڭا بەرگەن بولسا، ئەمدى ئۇنىڭغا بېرىلمىگىنى شۇ بىر پادىشاھلىقلا قاپتۇ-دە، _ دېدى. شۇ كۈندىن باشلاپ سائۇل داۋۇتقا ھەسەت بىلەن قارايدىغان بولۇپ قالدى. ئەتىسى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن كەلگەن بىر يامان روھ سائۇلغا كۈچ-قۇدرەتتە چۈشۈپ، ئۇنى ئۆيىدە ھاياجاندا ۋارقىراپ، ئۇسسۇل ئوينايدىغان قىلىپ قويدى. داۋۇت بولسا ئادەتتىكىدەكلا ئۇنىڭغا لىرا چېلىپ بەردى. ئۇ چاغدا سائۇلنىڭ قولىدا نەيزە بار ئىدى. سائۇل: «نەيزە بىلەن داۋۇتنى تامغا مىخلاپلا قويايچۇ» دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭغا قارىتىپ نەيزە ئېتىۋىدى، داۋۇت ئىككى قېتىم ئۇنىڭدىن ئۆزىنى چەتكە ئالدى. پەرۋەردىگار سائۇلدىن ئايرىلىپ، داۋۇتقا يار بولغانلىقى ئۈچۈن، سائۇل داۋۇتتىن قورقاتتى. شۇڭا سائۇل داۋۇتنى ئۆزىنىڭ يېنىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، لەشكەرلەرنىڭ سەركەردىسى قىلىپ قويدى، داۋۇت لەشكەرلەرگە باش بولۇپ جەڭگە باراتتى. پەرۋەردىگار داۋۇتقا يار بولغاچقا، ئۇ ھەرقانداق ئىشتا نەتىجىگە ئېرىشەتتى. سائۇل داۋۇتنىڭ ھەممە ئىشلاردا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن تېخىمۇ قورقىدىغان بولۇپ قالدى. لېكىن يەھۇدا قەبىلىسىدىن ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ باشقا قەبىلىلىرىدىن كەلگەنلەر داۋۇتقا ئامراق ئىدى، چۈنكى ئۇ جەڭلەردە ئالدىنقى سەپتىكى سەركەردە ئىدى. سائۇل داۋۇتقا مۇنداق دېدى: _ سەن مېنىڭ پالۋىنىم بولۇپ، پەرۋەردىگار ئۈچۈن جەڭ قىلساڭ، چوڭ قىزىم مېرابنى ساڭا خوتۇنلۇققا بېرىمەن. سائۇل ئىچىدە: «داۋۇت مېنىڭ قولۇم بىلەن ئەمەس، بەلكى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولى بىلەن ئۆلتۈرۈلسۇن» دەپ ئويلىغانىدى. _ مەن كىم ئىدىم؟ ئۇرۇق-جەمەتىم مېنىڭ پادىشاھىمىزغا كۈيۈ ئوغۇل بولۇشۇمغا قانداقمۇ ئەرزىيدۇ؟ _ دېدى داۋۇت. لېكىن سائۇلنىڭ قىزى مېراب داۋۇتقا ياتلىق قىلىنىدىغان چاغدا، سائۇل ئۇنى مىخولاھلىق ئادرائىلغا خوتۇنلۇققا بېرىۋەتتى. ۋاھالەنكى، سائۇلنىڭ ئىككىنچى قىزى مىكال داۋۇتقا ئاشىق ئىدى، بۇنىڭدىن سائۇل خەۋەر تېپىپ خۇشال بولۇپ كەتتى. سائۇل ئىچىدە: «مەن مىكالنى داۋۇتقا بەرسەم، قىزىم ئارقىلىق ئۇنى تۇزاققا چۈشۈرۈپ، فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدا ئۆلتۈرگۈزىمەن» دەپ ئويلىدى-دە، داۋۇتقا ئىككىنچى قېتىم: _ سەن ماڭا كۈيۈ ئوغۇل بول، _ دېدى. سائۇل ئەمەلدارلىرىغا: _ «پادىشاھ سېنى ياخشى كۆرىدىكەن، پادىشاھنىڭ ئەمەلدارلىرىمۇ سېنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇڭا سەن پادىشاھقا كۈيۈ ئوغۇل بول» دەپ، داۋۇتقا يوشۇرۇنچە ئېيتىڭلار، _ دېدى. سائۇلنىڭ ئەمەلدارلىرى داۋۇتنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ ئەنە شۇنداق دېگەنىدى، داۋۇت: _ پادىشاھنىڭ كۈيۈ ئوغلى بولۇش سىلەرچە شۇنداق كىچىك ئىشمۇ؟ مەن بىر كەمبەغەل ۋە ئەرزىمەس ئادەم تۇرسام، _ دېدى. سائۇلنىڭ ئادەملىرى داۋۇتنىڭ سۆزىنى سائۇلغا يەتكۈزۈۋىدى، سائۇل ئادەملىرىگە: _ سىلەر داۋۇتقا: «پادىشاھ دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالماقچىكەن، شۇڭا تويلۇققا پەقەت يۈز فىلىستىيەلىكنىڭ خەتنە تېرىسىدىن باشقا ھېچ نەرسە تەلەپ قىلمايدىكەن» دەڭلار، _ دېدى. سائۇلنىڭ غەرىزى داۋۇتنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈش ئىدى. سائۇل پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇتقا يار بولغانلىقىنى ھەم قىزى مىكالنىڭمۇ داۋۇتقا ئامراق ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ، داۋۇتتىن تېخىمۇ قورقۇپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇنىڭغا دۈشمەن بولۇپ ئۆتتى. فىلىستىيەلىك قوشۇنلار قاچانلا ھۇجۇم قىلمىسۇن، ئۇلارغا قارشى تۇرۇشتا داۋۇت سائۇلنىڭ باشقا سەركەردىلىرىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ چىقاتتى. ئۇنىڭ نامى كۈندىن-كۈنگە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى. سائۇل ئۆز ئوغلى يوناتان ۋە ھەممە ئەمەلدارلىرىغا داۋۇتنى ئۆلتۈرۈشنى تاپىلىدى. لېكىن سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان داۋۇتقا قەۋەتلا ئامراق ئىدى. يوناتان داۋۇتقا: _ ئاتام سائۇل سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ، ئەتە ئەتىگەندە پەخەس بولغىن، دالاغا بېرىپ مەخپىي بىر يەرگە يوشۇرۇنۇۋالغىن. مەن دالادىكى سەن يوشۇرۇنۇۋالغان يەرگە بېرىپ ئاتامنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ بىلەن سەن توغرۇلۇق پاراڭلىشىپ تۇرىمەن، مەن ئەھۋالنىڭ قانداقلىقىغا قاراپ ساڭا خەۋەر بېرىمەن، _ دېدى. يوناتان ئاتىسى سائۇلغا داۋۇتنى ماختاپ: _ شاھ ئاتا، ئۆز خىزمەتكارىڭىز داۋۇتقا يامانلىق قىلمىسىڭىز، ئۇ سىزگە يامانلىق قىلمىغان، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ قىلغان ھەربىر ئىشى سىزگە كۆپ پايدا ئېلىپ كەلدى. ئۇ جېنىنى تىكىپ قويۇپ ھېلىقى فىلىستىيەلىكنى ئۆلتۈردى، پەرۋەردىگار شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارنى غەلىبە-نۇسرەتكە ئېرىشتۈردى. شۇ چاغدا سىز بۇلارنى كۆرۈپ خۇشال بولغانىدىڭىز. ئەمدى نېمىشقا بىكاردىن-بىكار بىگۇناھ داۋۇتنىڭ قېنىنى تۆكۈپ، ئۆزىڭىزنى گۇناھكار قىلماقچى بولىسىز؟ _ دېدى. سائۇل يوناتاننىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قەسەم قىلىپ: _ مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، داۋۇت ئۆلتۈرۈلمەيدۇ، _ دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن يوناتان داۋۇتنى چاقىرىپ كېلىپ بۇنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەردى، شۇنداقلا ئۇنى سائۇلنىڭ ئالدىغا باشلاپ باردى. داۋۇت ئاۋۋالقىدەكلا سائۇلنىڭ خىزمىتىدە بولدى. ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە ئۇرۇش بولدى. داۋۇت قوشۇن باشلاپ چىقىپ، فىلىستىيەلىكلەر بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى. ئاخىرىدا فىلىستىيەلىكلەر قېچىپ كېتىشتى. بىر كۈنى سائۇل ئۆيىدە قولىغا نەيزە ئېلىپ ئولتۇراتتى، پەرۋەردىگار تەرىپىدىن كەلگەن بىر يامان روھ ئۇنىڭغا يېپىشتى. داۋۇت ئۇنىڭغا لىرا چېلىپ بېرىۋاتقاندا، سائۇل داۋۇتقا نەيزە سانجىپ تامغا مىخلاپ قويماقچى بولۇۋىدى، داۋۇت ئۆزىنى چەتكە ئالدى، سائۇلنىڭ نەيزىسى بولسا تامغا كىرىپ كەتتى. داۋۇت شۇ كۈنى كېچىدە ئۆيىگە قېچىپ كەتتى. سائۇل داۋۇتنى تاڭ ئاتقۇچە كۆزىتىپ تۇرۇپ، تاڭ ئېتىشى بىلەنلا ئۆلتۈرۈۋېتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۆيىگە بىرنەچچە ئادەم ئەۋەتتى. ئايالى مىكال داۋۇتقا: _ بۈگۈن كېچە جېنىڭىزنى ئېلىپ قاچمىسىڭىز، ئەتە ئۆلتۈرۈلىسىز، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ ئايالى داۋۇتنى دېرىزىدىن چۈشۈرۈپ قاچۇرۇۋەتتى، داۋۇت قېچىپ قۇتۇلدى. مىكال بىر بۇتنى كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ، بېشىغا ئۆچكە يۇڭىدا توقۇلغان ياستۇقنى قويۇپ، ئۈستىگە كىيىملەرنى يېپىپ قويدى. داۋۇتنى تۇتۇپ كېلىشكە سائۇل تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئادەملەر كەلگەندە، مىكال ئۇلارغا: «ئۇ ئاغرىپ قالدى» دېدى. لېكىن سائۇل ئادەملىرىنى داۋۇتنى كۆزىتىپ تۇرۇشقا يەنە ئەۋەتتى ۋە ئۇلارغا: _ ئۇنى ئۆلتۈرۈشۈم ئۈچۈن، ياتقان كارىۋىتى بىلەنلا كۆتۈرۈپ كېلىڭلار! _ دېدى. سائۇل ئەۋەتكەن ئادەملەر ئۆيگە كىرىپ، كارىۋاتتا ياتقان بۇتنى ۋە بۇتنىڭ بېشىغا قويۇلغان ئۆچكە يۇڭىدا توقۇلغان ياستۇقنى كۆردى. شۇنىڭ بىلەن سائۇل مىكالغا: _ سەن نېمىشقا مېنى ئالداپ دۈشمىنىمنى قاچۇرۇۋېتىسەن؟ _ دېدى. مىكال: _ ئۇ ماڭا: «قېچىشىمغا ياردەم قىل، بولمىسا سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن» دېدى، _ دەپ جاۋاب بەردى. داۋۇت قېچىپ قۇتۇلغاندىن كېيىن، راماھقا كېلىپ سامۇئىل بىلەن كۆرۈشۈپ، سائۇلنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى سۆزلەپ بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل بىلەن بىرگە نايوتقا بېرىپ، ئۇ يەردە تۇردى. سائۇل داۋۇتنىڭ راماھتىكى نايوتتا تۇرۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. شۇنىڭ بىلەن سائۇل داۋۇتنى تۇتۇپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلار ئۇ يەرگە يېتىپ بارغاندا، سامۇئىلنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھاياجاندا ۋارقىراپ، ئۇسسۇل ئويناۋاتقان بىر توپ پەيغەمبەرلەرنى كۆردى. شۇ چاغدا خۇدانىڭ روھى سائۇلنىڭ ئادەملىرىگىمۇ چۈشتى ۋە ئۇلارمۇ ھاياجاندا ۋارقىراپ، ئۇسسۇل ئويناپ كەتتى. سائۇل بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ يەنە ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلارمۇ ھاياجاندا ۋارقىراپ، ئۇسسۇل ئويناپ كەتتى. سائۇل ئۈچىنچى قېتىم ئادەم ئەۋەتكەندە، ئۇلار ھەم شۇنداق قىلىشتى. ئاندىن كېيىن سائۇلنىڭ ئۆزى راماھقا قاراپ يول ئېلىپ، سېكۇدىكى چوڭ قۇدۇقنىڭ بېشىغا يېتىپ كەلدى. ئۇ كىشىلەردىن: _ سامۇئىل بىلەن داۋۇت نەدە، _ دەپ سورىۋىدى، بىرەيلەن: _ راماھتىكى نايوتتا، _ دەپ جاۋاب بەردى. شۇنىڭ بىلەن سائۇل راماھتىكى نايوتقا قاراپ ماڭدى. پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭغىمۇ چۈشتى، ئۇ تاكى راماھتىكى نايوتقىچە ھاياجاندا ۋارقىراپ، ئۇسسۇل ئويناپ باردى. ئۇمۇ كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، بىر كېچە-كۈندۈز سامۇئىلنىڭ ئالدىدا ھاياجاندا ۋارقىراپ، ئۇسسۇل ئويناپ، يىقىلغان پېتى يالىڭاچ ياتتى. «سائۇلمۇ پەيغەمبەرلەردىنمىدۇ؟» دېگەن گەپ شۇنىڭدىن قالغان. داۋۇت راماھتىكى نايوتتىن قېچىپ چىقىپ، يوناتاننىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: _ مەن نېمە قىلىپتىمەن، نېمە گۇناھىم بار ئىكەن، ئاتاڭنىڭ ئالدىدا جېنىمنى ئالغۇدەك نېمە خاتالىق ئۆتكۈزۈپتىمەن؟ _ دېدى. _ خۇدا ساقلىسۇن، سەن ئۆلتۈرۈلمەيسەن. مەيلى چوڭ، مەيلى كىچىك ئىش بولسۇن، ئاتام ماڭا بىلدۈرمەي قىلمايدۇ. ئۇ بۇ ئىشنى مەندىن يوشۇرمايدۇ، سەن دېگەندەك بولمايدۇ، _ دېدى يوناتان. داۋۇت قەسەم قىلىپ: _ ئاتاڭ سېنىڭ مېنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭا ئۇ ئىچىدە: «بۇنى يوناتانغا بىلدۈرمەي، بولمىسا ئۇ قايغۇرۇپ كېتىدۇ» دەپ، ئويلىغان گەپ. مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا سېنىڭ جېنىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۆلۈمگە بىر قەدەملا يېقىنلىقتا تۇرىمەن، _ دېدى. يوناتان داۋۇتقا: _ سەن نېمە قىل دېسەڭ، شۇنى قىلاي، _ دېگەنىدى، داۋۇت ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ ئەتە يېڭى ئاي بايرىمى، پادىشاھ بىلەن ھەمداستىخان بولۇشۇم كېرەك، لېكىن سەن مېنىڭ ئۆگۈن ئاخشامغىچە دالادا يوشۇرۇنۇپ تۇرۇشۇمغا رۇخسەت قىلغىن. مۇبادا ئاتاڭ مېنىڭ داستىخاندا يوقلۇقۇمنى بىلىپ سوراپ قالسا، سەن: «داۋۇت يالۋۇرۇپ ‹ماڭا ئۆز شەھىرىم بەيتلەھەمگە چاققان بېرىشىمغا ئىجازەت بەرگىن، چۈنكى ئۇ يەردە پۈتۈن ئۇرۇق-جەمەتىمىز بىلەن يىللىق قۇربانلىق ئۆتكۈزەتتۇق› دېگەنىدى» دەپ ئېيتقىن. ئەگەر ئۇ: «ئوبدان بوپتۇ!» دېسە، مەن تىنچ-ئامان قالىمەن؛ ئەگەر ئۇ قاتتىق خاپا بولسا، بىلگىنكى، ئۇ ماڭا زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتىگە قەتئىي كەلگەن بولىدۇ. پەرۋەردىگار ئالدىدا تۈزگەن دوستلىشىش ھەققىدىكى ئەھدىمىزنى ئېسىڭگە ئېلىپ، ماڭا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ تۇرغايسەن. لېكىن مەندە گۇناھ بولسا، مېنى ئاتاڭغا تۇتۇپ بېرىپ نېمە قىلاتتىڭ؟ ئۆزۈڭلا ئۆلتۈرۈۋەت. _ خۇدا ساقلىسۇن، _ دېدى يوناتان، _ ئەگەر مەن ئاتامنىڭ ساڭا زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتىگە كەلگەنلىكىنى بىلىپ قالسام، ساڭا ئېيتماسمەنمۇ؟ _ ئەگەر ئاتاڭ ساڭا غەزەپتە جاۋاب بەرسە، كىم ماڭا خەۋەر بېرىدۇ؟ _ دېدى داۋۇت يوناتانغا. _ يۈرە، دالاغا چىقايلى، _ دېدى يوناتان داۋۇتقا ۋە ئىككىسى دالاغا چىقىپ كەتتى. _ پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ماڭا گۇۋاھ بولسۇنكى، ئەتە ياكى ئۆگۈنلۈككە ئالاھازەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئاتامنىڭ نېمە نىيەتتە ئىكەنلىكىنى بىلىپ چىقىمەن. ئەگەر ئاتام ساڭا ياخشى نىيەتتە بولسا، مەن ساڭا خەۋەر بېرىمەن. ئەگەر ئۇ ساڭا زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتىدە بولۇپ، لېكىن مەن سېنى خەۋەردار قىلىپ، ئامان-ئېسەن قېچىشىڭغا ياردەم بەرمىسەم، پەرۋەردىگار مېنى قاتتىق جازالىسۇن! پەرۋەردىگار ئىلگىرى ئاتامغا يار بولغاندەك، ساڭىمۇ يار بولسۇن! پەرۋەردىگار ماڭا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكىنىدەك، سەنمۇ ھاياتىمنىڭ ئاخىرىغىچە ھەر دائىم ماڭا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكىن. ئەگەر مەن ئۆلۈپ كەتسەم، پەرۋەردىگار ھەتتا بارلىق ئەۋلادلىرىڭنى يەر يۈزىدىن يوقاتقان تەقدىردىمۇ، سەن مېھىر-مۇھەببىتىڭنى ئەۋلادلىرىمدىن مەڭگۈگە ئۈزمىگىن، _ دېدى يوناتان داۋۇتقا ۋە داۋۇت بىلەن ئەھدە قىلدى. يوناتان يەنە: _ ئەگەر ئەۋلادلىرىڭ ئەھدىمىزگە ۋاپاسىزلىق قىلسا، پەرۋەردىگار ئۇلاردىن ھېساب ئالغاي، _ دېدى. يوناتان داۋۇتنى ئۆز جېنىدەك ياخشى كۆرگەچكە، ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان دوستلۇقىنى يەنە بىر قېتىم تەستىقلىتىش ئۈچۈن ئۇنى ۋەدە قىلدۇردى. يوناتان داۋۇتقا: _ ئەتە يېڭى ئاي بايرىمى، داستىخاندىكى ئورنۇڭ بوش قالسا، سېنىڭ يوقلۇقۇڭ بىلىنىپ قالىدۇ. ئۆگۈنلۈككە سەن ئىلگىرى يوشۇرۇنغان يەرگە بېرىپ، تاش دۆۋىلىرىنىڭ ئارقىسىدا ساقلاپ تۇرغىن. مەن تاش دۆۋىلىرىنىڭ يېنىغا خۇددى قارىغا ئاتقاندەك ئۈچ پاي يا ئوقى ئاتىمەن. ئاندىن مەن خىزمەتچى بالىغا: «سەن بېرىپ يا ئوقلىرىنى تاپقىن» دەيمەن. ئەگەر مەن ئۇنىڭغا: «قارا! يا ئوقلىرى سېنىڭ بۇ تەرىپىڭدە، ئۇلارنى ئەكەل» دېسەم، سەن چىقساڭ بولىدۇ. مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، سەن ئامان قالىسەن، ساڭا خەۋپ-خەتەر كەلمەيدۇ؛ ئەگەر مەن خىزمەتچى بالىغا: «قارا! يا ئوقلىرى سېنىڭ ئۇ تەرىپىڭدە» دېسەم، سەن كەتكىن، چۈنكى ئۇ چاغدا پەرۋەردىگار سېنى يولغا سالغان بولىدۇ. بىر-بىرىمىزگە قىلغان ئەھدىمىزگە پەرۋەردىگار مەڭگۈ گۇۋاھ بولسۇن، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ، داۋۇت دالاغا چىقىپ يوشۇرۇندى. يېڭى ئاي بايرىمىدا پادىشاھ غىزالانغىلى داستىخانغا ئولتۇردى ۋە ئادەت بويىچە تام يېنىدىكى ئورۇندىن جاي ئالدى. يوناتان پادىشاھنىڭ ئۇدۇلىدا، ئابنېر پادىشاھنىڭ يېنىدا ئولتۇردى، داۋۇتنىڭ ئورنى بولسا بوش قالدى. لېكىن شۇ كۈنى پادىشاھ ھېچنېمە دېمەي: «ئۇ بىر ئىش قىلىپ ناپاك بولۇپ قالغاندۇ... چوقۇم پاك ئەمەس» دەپ، خىيال سۈرۈپ ئولتۇردى. يېڭى ئاي بايرىمىنىڭ ئىككىنچى كۈنىمۇ داۋۇتنىڭ ئورنىنىڭ بوش تۇرغانلىقىنى كۆرگەن سائۇل يوناتاندىن: _ يىشاينىڭ ئوغلىنىڭ تۈنۈگۈنمۇ، بۈگۈنمۇ غىزاغا كەلمەسلىكى نېمە سەۋەبتىن؟ _ دەپ سورىدى. يوناتان مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: _ داۋۇت «بەيتلەھەمگە بارسام» دەپ، مەندىن رۇخسەت سوراپ يالۋۇرغانىدى. ئۇ، «ماڭا ئىجازەت بەرگىن، چۈنكى ئۇ شەھەردە ئۇرۇق-جەمەتىمىز بىلەن قۇربانلىق قىلاتتۇق، ئاكام بېرىشىمنى بۇيرۇغانىدى. ئەگەر سەن مېنى ياخشى كۆرسەڭ، ئاكىلىرىم بىلەن كۆرۈشكىلى ئىجازەت بەرگىن» دەپ، ماڭا يېلىنغانىدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇ پادىشاھىمىز بىلەن ھەمداستىخان بولالمىدى. بۇ چاغدا سائۇل يوناتانغا قاتتىق ئاچچىقلىنىپ: _ ھەي بۇزۇق، ئاسىي خوتۇننىڭ بالىسى، مېنى سېنىڭ يىشاينىڭ ئوغلى بىلەن بىر تەرەپتە تۇرۇۋاتقانلىقىڭنى بىلمەيدۇ دېمە، سەن بۇ قىلىقىڭ بىلەن ئۆزۈڭنى ۋە سېنى تۇغقان ئاناڭنى شەرمەندە قىلىۋاتىسەن. يىشاينىڭ ئوغلى دۇنيادا ھاياتلا بولىدىكەن، نە ئۆزۈڭ، نە پادىشاھلىقىڭ مۇستەھكەم تۇرالمايدۇ. شۇڭا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى تۇتۇپ، مېنىڭ ئالدىمغا ئەكەل. ئۇ ئۆلۈشى كېرەك، _ دېدى. _ ئۇ نېمىشقا ئۆلۈشى كېرەك، ئۇ نېمە گۇناھ قىلدى؟ _ دېدى يوناتان ئاتىسى سائۇلغا. سائۇل بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئوغلى يوناتاننى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن نەيزىنى ئۇنىڭغا قارىتىپ ئاتتى. يوناتان ئاتىسىنىڭ داۋۇتنى قەتئىي ئۆلتۈرۈش نىيىتىدە ئىكەنلىكىنى بىلدى. يوناتان قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، داستىخاندىن ئىرغىپ تۇرۇپ، كېتىپ قالدى، ھەم ئاتىسىنىڭ داۋۇتنى ھاقارەتلىگەنلىكىدىن كۆڭلى غەمكىن بولدى. ئۇ يېڭى ئاي بايرىمىنىڭ ئىككىنچى كۈنى بىر كۈن غىزا يېمىدى. يوناتان ئەتىسى ئەتىگەندە داۋۇت بىلەن پۈتۈشۈپ قويغان ۋاقىتتا بىر بالىنى ئەگەشتۈرۈپ دالاغا چىقتى. _ سەن يۈگۈر، مەن ئاتقان يا ئوقىنى تاپ، _ دېدى يوناتان بالىغا. بالا يۈگۈرۈپ كېتىۋىدى، يوناتان يا ئوقىنى بالا كېتىۋاتقان يەرنىڭ نېرىسىغا ئاتتى. بالا يوناتان يا ئوقىنى ئاتقان يەرگە بارغانىدى، يوناتان ئۇنىڭغا: _ يا ئوقى سېنىڭ ئۇ تەرىپىڭدىغۇ؟ تېز يۈگۈر، توختاپ قالما! _ دەپ توۋلىدى. بالا يا ئوقلىرىنى يىغىپ خوجايىنىغا ئەكېلىپ بەردى. بالا ھېچ نەرسىدىن خەۋەرسىز ئىدى، ئېيتىلغان سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى پەقەتلا يوناتان بىلەن داۋۇت بىلەتتى. يوناتان ئۆزىنىڭ ئوقياسىنى بالىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: _ بۇلارنى شەھەرگە ئېلىپ كىرىپ كەتكىن، _ دېدى. بالا كەتكەندىن كېيىن داۋۇت تاش دۆۋىلىرىنىڭ ئارقىسىدىن چىقىپ، يەرگە باش قويۇپ، ئۈچ مەرتەم تەزىم قىلدى. ئىككىسى سۆيۈشۈپ يىغلاشتى، داۋۇت بولسا قاتتىق يىغلاپ كەتتى. _ پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ، «بىر-بىرىمىزگە قىلغان قەسىمىمىزگە تاكى ئەۋلادلىرىمىزغىچە پەرۋەردىگار مەڭگۈ گۇۋاھ بولسۇن» دېگەنىدۇق. ئەمدى سەن تىنچ-ئامان يولۇڭغا ماڭ! _ دېدى يوناتان داۋۇتقا. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت كەتتى، يوناتانمۇ شەھەرگە قايتتى. داۋۇت نوب دېگەن شەھەرگە كېلىپ، روھانىي ئاخىمەلەكنىڭ يېنىغا باردى، ئاخىمەلەك ئۇنى قورقۇنچ ئىچىدە كۈتۈۋالدى. _ نېمىشقا يالغۇز كەلدىڭىز، ئادەملىرىڭىز يوقمۇ؟ _ دەپ سورىدى ئاخىمەلەك. _ پادىشاھ ماڭا بىر ئىشنى بۇيرۇپ: «مەن ساڭا بۇيرۇغان ئىشنى ھېچكىم بىلمىسۇن» دېگەنىدى. شۇڭا مەن ئۆز ئادەملىرىمگە ئۇلارنىڭ مېنى مەلۇم جايدا ساقلاپ تۇرۇشىنى تاپىلاپ قويۇپ كەلدىم. ئەمدى يېگۈدەك نېمىڭىز بار؟ بەش نان ياكى باشقا نېمىلا نەرسىڭىز بولسا بېرىڭا، _ دېدى داۋۇت روھانىي ئاخىمەلەككە. _ مەندە ئادەتتىكى نان يوق، پەقەت مۇقەددەس نانلا بار. سىز ئۇنىڭغا پەقەت ئادەملىرىڭىز يېقىندىن بېرى ئۆزلىرىنى ئايال زاتىدىن نېرى تۇتقان بولسىلا ئېرىشەلەيسىز، _ دەپ جاۋاب بەردى روھانىي. _ ئەلۋەتتە ئاياللارغا يېقىنلاشمىدۇق، _ دېدى داۋۇت، _ بىز ئادەتتىكى ۋەزىپىگە ئاتلانغاندا، ئادەملىرىم ئۆزلىرىنى پاك تۇتىدۇ. بۇ قېتىم ئالاھىدە ۋەزىپىگە چىققانلىقىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداقتۇر. شۇنىڭدىن كېيىن روھانىي باشقا نان بولمىغاچقا، داۋۇتقا مۇقەددەس نانلاردىن بەردى. بۇ نانلار پەرۋەردىگارغا بېغىشلانغان بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن، يېڭى نان كەلگەچكە ئۇ يەردىن ئېلىۋېتىلگەنىدى. شۇ كۈنى سائۇلنىڭ ئىدوملۇق باش پادىچىسى دوئېگمۇ ئۇ يەردە بولۇپ، ئۇ پاكلىنىش مەرىكىسى ئۈچۈن كەلگەنىدى. داۋۇت ئاخىمەلەكتىن: _ سىزدە قىلىچ، نەيزە بارمۇ؟ _ دەپ سورىدى، _ پادىشاھنىڭ تاپشۇرۇقى جىددىي بولغاچقا، يېنىمغا يا قىلىچ، يا نەيزە ئېلىپ چىقمىغانىدىم. _ سىز ئېلاھ جىلغىسىدا ئۆلتۈرگەن فىلىستىيەلىك گولياتنىڭ قىلىچى بۇ يەردە، ئۇ روھانىيلىق تونىنىڭ كەينىدە ماتاغا يۆگەكلىك تۇرىدۇ، خالىسىڭىز شۇنى ئېلىڭ، ئۇنىڭدىن باشقا قورال-ياراغ يوق، _ دېدى روھانىي. _ ئۇنىڭغا تەڭ كېلىدىغان قىلىچ يوق، شۇنى ماڭا بېرىڭ، _ دېدى داۋۇت. شۇ كۈنى داۋۇت سائۇلدىن قېچىپ، گاتنىڭ پادىشاھى ئاكىشنىڭ يېنىغا باردى. ئاكىشنىڭ ئەمەلدارلىرى ئاكىشقا: _ بۇ ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى داۋۇتقۇ؟ ئىسرائىلىيەدىكى ئاياللار: «سائۇل قىردى مىڭلاپ-مىڭلاپ، داۋۇت قىردى تۈمەنلەپ-تۈمەنلەپ» دەپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناشمىغانمىدى؟! _ دېدى. داۋۇت بۇ سۆزلەرنى دىققەت قىلىپ ئاڭلىدى ۋە گاتنىڭ پادىشاھى ئاكىشنىڭ، ئۆزىگە بىر نېمە قىلىشىدىن بەك قورقۇپ كەتكەچكە، ئۇلار بار يەردە ئەتەي تەلۋىلىك قىلىپ يۈردى. ئۇ ئۇلارنىڭ قول ئاستىدا بولغانلىقتىن، ساراڭ بولۇۋېلىپ، شەھەر دەرۋازىسىغا قالايمىقان يېزىپ-سىزىپ، ساقىلىغا شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ يۈردى. ئاكىش ئەمەلدارلىرىغا: _ قاراڭلار! بۇ ئادەم ساراڭ ئىكەن، نېمىدەپ ئۇنى مېنىڭ قېشىمغا ئېلىپ كەلدىڭلار؟ ماڭا ساراڭ كەم بولۇپ قاپتىمۇ؟ ئۇنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ساراڭلىق قىلىپ بەرسۇن، دەپ ئېلىپ كەلدىڭلارمۇ؟ بۇ ئادەمنى ئۆيۈمدىن يىراق قىلىڭلار! _ دېدى. داۋۇت ئۇ يەردىن قېچىپ، ئادۇللام شەھىرىنىڭ يېنىدىكى غاردا پاناھلاندى. ئۇنىڭ ئاكىلىرى ۋە ئاتا جەمەتىدىكىلەر بۇنى ئاڭلاپ، شۇ يەرگە يېتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بېشىغا كۈن چۈشكەن، قەرزگە بوغۇلغان، نارازى بولۇپ يۈرگەن كىشىلەر ئۇنىڭ يېنىغا يىغىلىشتى. شۇنداق قىلىپ داۋۇت ئۇلارغا يولباشچى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر تۆت يۈزچە كىشى ئىدى. داۋۇت ئۇ يەردىن موئاب زېمىنىدىكى مىزپاھ دېگەن شەھەرگە كېلىپ، موئاب پادىشاھىغا: _ خۇدانىڭ ماڭا نېمە قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلىۋالغۇچە، ئاتا-ئانامنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلسىلا، _ دەپ ئىلتىجا قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئاتا-ئانىسىنى موئاب پادىشاھىنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كەلدى. ئۆزى تاغدىكى پاناھلىنىدىغان غاردا يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن مەزگىلدە، ئاتا-ئانىسى ئۇ يەردە تۇردى. گاد پەيغەمبەر داۋۇتقا: _ تاغدىكى غاردا يۈرمەي، يەھۇدا زېمىنىغا بارغىن، _ دېدى. ئاندىن داۋۇت ئۇ يەردىن كېتىپ، خەرەت ئورمانلىقىغا باردى. سائۇل گىبئاھ تېغىنىڭ تۆپىسىدىكى بىر يۇلغۇن دەرىخىنىڭ ئاستىدا قولىغا نەيزىسىنى تۇتقان ھالدا ئولتۇراتتى، ئەمەلدارلىرى بولسا ئۇنىڭ ئەتراپىدا تۇرۇشاتتى. داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ تېپىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ئۇنىڭغا يېتىپ كەلدى. سائۇل ئەتراپىدىكىلەرگە: _ ھەي بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەر، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار! يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇت سىلەرگە ئۈزۈمزارلىق ۋە ئېتىزلارنى بېرەرمىدى، سىلەرنى قوشۇنلىرىنىڭ سەركەردىسى قىلارمىدى؟ سىلەر ماڭا قارشى تىل بىرىكتۈرۈۋاتىسىلەر. ئاراڭلاردىن ھېچكىم ماڭا ئوغلۇم يوناتاننىڭ يىشاينىڭ ئوغلى بىلەن ئەھدە قىلغانلىقىنى ئېيتمىدى، مېنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئالمىدى. ھېچقانداق ئادەم ماڭا، ئۆز ئوغلۇمنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن داۋۇتنىڭ ماڭا ھۇجۇم قىلىشنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتمىدى، _ دېدى. شۇ چاغدا سائۇلنىڭ ئەمەلدارلىرى ئارىسىدا تۇرغان ئىدوملۇق دوئېگ ئۇنىڭغا: _ مەن يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ، نوبتىكى ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى روھانىي ئاخىمەلەكنىڭ يېنىغا كەلگەنلىكىنى كۆردۈم. ئاخىمەلەك داۋۇت ھەققىدە پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ، ئۇنىڭغا تائام ۋە فىلىستىيەلىك گولياتنىڭ قىلىچىنى بەردى، _ دېدى. سائۇل پادىشاھ روھانىي ئاخىمەلەكنى ۋە ئۇنىڭ ئاتا جەمەتىنىڭ ھەممىسىنى، يەنى نوبتىكى روھانىيلارنى چاقىرتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلدى. _ ھەي ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى، گېپىمگە قۇلاق سال، _ دېدى سائۇل. _ مانا مەن، خوجام، _ دەپ جاۋاب بەردى ئاخىمەلەك. _ سەن نېمىشقا يىشاينىڭ ئوغلى بىلەن بىرگە ماڭا قارشى تىل بىرىكتۈردۈڭ؟ سەن نېمىشقا ئۇنىڭغا نان بىلەن قىلىچ بېرىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلدىڭ؟ مانا ئەمدى ئۇ ماڭا قارشى چىقىپ، ھۇجۇم قىلىشنى كۈتۈپ ياتماقتا! _ دېدى سائۇل ئۇنىڭغا. ئاخىمەلەك سائۇلغا جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى: _ ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئىچىدە داۋۇتتىن سادىق كىم بار؟ ئۇ سىلىنىڭ كۈيۈ ئوغۇللىرى ھەم ئوردىدىكى ياساۋۇللار ئەترىتىنىڭ باشلىقى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ئادەملىرى ئىچىدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر كىشىدۇر. توغرا، مەن داۋۇت ھەققىدە پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلدىم، ئالىيلىرى، بۇ مېنىڭ بىرىنچى قېتىم ئىلتىجا قىلىشىم ئەمەس. داۋۇتنىڭ يامان نىيىتىدىن ھېچ خەۋىرىم يوق، بۇ ئىشتا مېنى ياكى ئاتا جەمەتىمنى ئەيىبلىمىسىلە. _ ھەي ئاخىمەلەك! سەن ۋە ئاتا جەمەتىڭنىڭ ھەممىسى ئۆلۈمگە مەھكۇمسىلەر! _ دېدى پادىشاھ ۋە ئەتراپىدىكى ياساۋۇللىرىغا مۇنداق دەپ بۇيرۇدى: _ پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيلىرىنى ئۆلتۈرۈڭلار. ئۇلار داۋۇت تەرەپتە تۇرغان ھەم داۋۇتنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ماڭا ئېيتمىغان! سائۇلنىڭ ياساۋۇللىرى بولسا پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيلىرىنى ئۆلتۈرۈشتىن باش تارتتى. بۇ چاغدا پادىشاھ دوئېگقا: _ سەن بېرىپ، روھانىيلارنى ئۆلتۈر! _ دەپ بۇيرۇدى. شۇ كۈنى ئىدوملۇق دوئېگ روھانىيلىق تونىنى كىيگەن 85 روھانىينى ئۆزى يالغۇز ئۆلتۈردى. بۇنىڭدىن باشقا سائۇل پادىشاھ روھانىيلار شەھىرى نوبتىكى ئەر-ئايال، بالا-چاقا، ئەمچەكتىكى بوۋاقتىن تاكى كالا-ئېشەك، قويلارغىچە بولغان ھەممىسىنى قىلىچ بىلەن قىرغۇزدى. ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئاخىمەلەكنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئەبىياتار قېچىپ داۋۇتنىڭ قېشىغا كەلدى. ئۇ سائۇل پادىشاھنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيلىرىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى داۋۇتقا دەپ بەردى. داۋۇت ئەبىياتارغا: _ ئۇ كۈنى ئىدوملۇق دوئېگنىڭ ئۇ يەردە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ سائۇلغا چوقۇم خەۋەر قىلىدىغانلىقىنى بىلگەنىدىم. ئاتا جەمەتىڭدىكى ھەربىر جاننىڭ ئۆلۈمىگە مەن سەۋەبچى بولدۇم. ئەمدى سەن يېنىمدا قال. قورقما، مېنىڭ جېنىمنى ئالماقچى بولغانلار سېنىڭ جېنىڭنىمۇ ئالىدۇ. سەن مېنىڭ يېنىمدا ئامان-ئېسەن تۇرىسەن، _ دېدى. داۋۇتقا: «فىلىستىيەلىكلەر قىيلاھ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، خامانلاردىكى ئاشلىقلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋېتىپتۇ» دېگەن خەۋەر يېتىپ كەلدى. شۇ سەۋەبتىن داۋۇت پەرۋەردىگاردىن: _ مەن بېرىپ ئۇ فىلىستىيەلىكلەر بىلەن ئۇرۇشايمۇ؟ _ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سەن بېرىپ فىلىستىيەلىكلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ، قىيلاھنى قۇتقۇز، _ دېدى. داۋۇتنىڭ ئادەملىرى بولسا داۋۇتقا: _ بىز يەھۇدا زېمىنىدا تۇرۇقلۇق قورقۇۋاتساق، قىيلاھقا فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قوشۇنىنىڭ ئالدىغا ھۇجۇم قىلىپ بارىمىزمۇ تېخى؟ _ دېيىشتى. داۋۇت يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسىنى سورىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ مەن فىلىستىيەلىكلەرنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىدىغان بولغاندىكىن، سەن قىيلاھقا بار، _ دەپ جاۋاب بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى قىيلاھقا بېرىپ، فىلىستىيەلىكلەر بىلەن جەڭ قىلدى. ئۇلار فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ماللىرىنى تارتىۋېلىپ، ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى. شۇنداق قىلىپ داۋۇت قىيلاھ ئاھالىسىنى قۇتقۇزدى. ئاخىمەلەكنىڭ ئوغلى ئەبىياتار قىيىلاھتا تۇرغان داۋۇتنىڭ يېنىغا قېچىپ بارغاندا، ئۇ ئۆزى بىلەن ئېفودنى ئېلىۋالغانىدى. سائۇلغا: «داۋۇت قىيلاھقا كەپتۇ» دېگەن خەۋەر يېتىپ كەلگەندە، سائۇل: _ داۋۇت دەرۋازا ۋە سېپىللىرى پۇختا شەھەرگە كىرىپ سولىنىپ قاپتۇ، بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرغانلىقى _ دېدى. سائۇل داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى قامالغا ئېلىش مەقسىتىدە ھەممە لەشكەرلىرىنى قىيلاھقا قاراپ يۈرۈش قىلىشقا چاقىرىق قىلدى. داۋۇت سائۇلنىڭ ئۆزىنى قەستلەۋاتقانلىقىنى بىلىپ، ئەبىياتارغا: _ ئېفودنى ئەكەل، _ دېدى. ئاندىن ئۇ خۇداغا ئىلتىجا قىلىپ، مۇنداق دېدى: _ ئى پەرۋەردىگار، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا! مەن سائۇلنىڭ مېنى دەپ قىيلاھقا كېلىپ، پۈتۈن شەھەرنى خاراب قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېنىق ئاڭلىدىم. قىيلاھنىڭ ھاكىملىرى مېنى سائۇلنىڭ قولىغا تاپشۇرارمۇ؟ سائۇل مەن ئاڭلىغاندەك قىيلاھ شەھىرىگە كېلەرمۇ؟ ئى پەرۋەردىگار، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، پېقىرغا يول كۆرسەتكەيسەن! _ سائۇل كېلىدۇ، _ دېدى پەرۋەردىگار. _ قىيلاھنىڭ ھاكىملىرى مېنى ۋە ئادەملىرىمنى سائۇلنىڭ قولىغا تاپشۇرارمۇ؟ _ دېدى داۋۇت يەنە. _ تاپشۇرىدۇ، _ دېدى پەرۋەردىگار. شۇڭا داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى، تەخمىنەن جەمئىي ئالتە يۈز كىشى قىيلاھتىن چىقىپ، ئۇ ياقتىن بۇ ياققا ئايلىنىپ يۈرۈشتى. بەزىلەر بۇ ئەھۋالنى سائۇلغا يەتكۈزۈۋىدى، ئۇ قىيلاھقا بارمايدىغان بولدى. داۋۇت چۆلدە، تاغلاردا، يەنى زىف چۆلىدىكى غارلاردا پاناھلىنىپ تۇراتتى. سائۇل داۋۇتنى ھەر كۈنى ئىزدىگەن بولسىمۇ، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ داۋۇتنى تۇتۇۋېلىشىغا يول قويمىدى. داۋۇت زىف چۆلىدىكى خوراش دېگەن جايدا تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، سائۇلنىڭ ئۇنىڭ جېنىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنى ئىزدەپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ قالدى. سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان ئۇ يەرگە بېرىپ، داۋۇت بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ئۇنىڭ خۇداغا بولغان ئىشەنچىنى كۈچەيتتى. _ قورقما! _ دېدى يوناتان ئۇنىڭغا، _ ئاتام ھېچقاچان ساڭا زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ، سەن ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى بولىسەن، مەن سەندىن قالساملا ئىككىنچى ئورۇندىكى ئادەم بولىمەن. بۇنى ئاتاممۇ ئوبدان بىلىدۇ. ئۇ ئىككىسى پەرۋەردىگار ئالدىدا، چىن دوستلۇق ئۈچۈن ئەھدە قىلىشتى. يوناتان ئۆيىگە كەتتى، داۋۇت بولسا ئاۋۋالقىدەكلا خوراشتا تۇرۇپ قالدى. زىفلىقلار گىبئاھقا بېرىپ، سائۇل بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭغا: _ داۋۇت يېشىمون چۆلىنىڭ جەنوبىدىكى خاكىلا دېگەن ئېگىزلىككە جايلاشقان خوراشتىكى غارلاردا يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپتۇ. پادىشاھى ئالەم، خالىغان چاغلىرىدا يولغا چىقسىلا، داۋۇتنى قوللىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىمىز، _ دېيىشتى. _ ماڭا كۆڭۈل بۆلگىنىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگار سىلەرگە بەخت ئاتا قىلسۇن، _ دېدى سائۇل، _ ئەمدى سىلەر يەنە بېرىپ، ئۇنىڭ قەيەردە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇنى كىمنىڭ كۆرگەنلىكىنى ئېنىقلاپ بېقىڭلار. ماڭا مەلۇم بولۇشىچە ئۇ تولىمۇ قۇۋ ئىكەن. شۇڭا، ئۇ ئادەتتە يوشۇرۇنىدىغان يەرنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ماڭا كېلىپ ھەقىقىي مەلۇماتنى بېرىڭلار، ئاندىن مەن سىلەر بىلەن بىللە ئۇ يەرگە بارىمەن. ئەگەر ئۇ ئۇ يەردە بولسىلا، ئۇنى يەھۇدا جەمەتلىرى ئىچىدىن تاپماي قويمايمەن. زىفلىقلار يولغا چىقىپ، سائۇلدىن ئاۋۋال زىفقا قايتىپ كەلدى. داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى بولسا مائون چۆلىگە جايلاشقان يېشىموننىڭ جەنوبىدىكى ئارابا رايونىدا ئىدى. سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى داۋۇتنى ئىزدەشكە ماڭدى. داۋۇت بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، مائون چۆلىدىكى بىر تىك تاغنىڭ يېنىدا قالدى. سائۇل بۇنى ئاڭلاپ، داۋۇتنى قوغلاپ تۇتۇش ئۈچۈن مائون چۆلىگە باردى. سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى تاغنىڭ بۇ تەرىپى بىلەن ماڭسا، داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى تاغنىڭ ئۇ تەرىپى بىلەن ماڭاتتى. ئۇلار سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئالدىراپ قېچىۋاتقاندا، سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۇلارنى تۇتىمىز دەپ، ھەر تەرەپتىن قورشاۋغا ئېلىشقا باشلىدى. لېكىن بىر ئەلچى كېلىپ سائۇلغا: _ تېز قايتمىسىڭىز بولمىدى، فىلىستىيەلىكلەر يۇرتىمىزغا ھۇجۇم قىلدى _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن سائۇل داۋۇتنى قوغلىماي، فىلىستىيەلىكلەر بىلەن ئۇرۇشقىلى قايتتى. شۇ سەۋەبتىن بۇ يەر «قۇتۇلۇش قىياسى» دەپ ئاتالدى. داۋۇت ئۇ يەردىن چىقىپ، ئېنگەدى بوستانلىقىدىكى پاناھلىنىدىغان غارلارغا ئورۇنلاشتى. سائۇل فىلىستىيەلىكلەرنى قوغلاپ قايتقاندا، ئۇنىڭغا: «داۋۇت ئېنگەدى چۆلىدە تۇرۇۋېتىپتۇ» دېگەن خەۋەر كەلدى. سائۇل بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئىسرائىللاردىن ئۈچ مىڭ سەرخىل لەشكەرنى تاللاپ، داۋۇت بىلەن ئۇنىڭ ئادەملىرىنى ئىزدەپ «ياۋا تېكە» قىيا تاشلىرىنىڭ يېنىغا كەلدى. سائۇل يول بويىدا قوي قوتانلىرى بار يەرگە كەلگەندە، بىر غارنى كۆرۈپ، ھاجەت قىلغىلى كىردى. داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى دەل شۇ غارنىڭ ئىچكىرىسىدە يوشۇرۇنۇپ تۇرغانىدى. داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگار سىزگە: «دۈشمىنىڭنى ئۆز قولۇڭغا تاپشۇرىمەن، قانداق قىلىشنى خالىساڭ، شۇنداق قىل» دېگەنىدى، قاراڭ، مانا بۈگۈن شۇ پەيت كەلدى! _ دېدى. داۋۇت ئاستا قوپۇپ سائۇلنىڭ تونىنىڭ ئېتىكىدىن تۇيدۇرماي بىر پارچە كېسىۋالدى، بىراق بۇنداق قىلغىنى ئۈچۈن داۋۇت كۆڭلىدە ئۆزىنى ئەيىبلىدى. _ پەرۋەردىگار مېنى ئۇ تاللىغان پادىشاھقا قول تەگكۈزۈشۈمدىن ساقلىسۇن، خوجايىنىمغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزسەم ھەرگىز بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھتۇر، _ دېدى ئۇ ئادەملىرىگە. داۋۇت شۇنداق دەپ ئۆز ئادەملىرىگە تەنبىھ بېرىپ، ئۇلارنىڭ سائۇلغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشىگە ئىجازەت بەرمىدى. سائۇل غاردىن چىقىپ ئۆز يولىغا راۋان بولدى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇتمۇ غاردىن چىقتى ۋە سائۇلنىڭ ئارقىسىدىن: _ ھەي پادىشاھ ئالىيلىرى! _ دەپ سائۇلنى چاقىردى. سائۇل بۇرۇلۇپ، داۋۇتنىڭ يەرگە باش قويۇپ، ئۆزىگە تەزىم قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. داۋۇت سائۇلغا مۇنداق دېدى: _ نېمىشقا كىشىلەرنىڭ: «داۋۇت سىزگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەكچى بولۇۋاتىدۇ» دېگەن گەپلىرىگە قۇلاق سېلىپ يۈرىسىز؟ مانا بۈگۈن ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆردىڭىز، پەرۋەردىگار غاردا سىزنى قولۇمغا تاپشۇرغانىدى، بەزىلەر «ئۆلتۈر» دېدى، لېكىن مەن سىزنى كەچۈردۈم. مەن ئۇلارغا: «پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھ ئالىيلىرىغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزسەم بولمايدۇ» دېدىم. ھەي ئاتا، قاراپ بېقىڭا، ئېتىكىڭىزنىڭ بىر پارچىسى مانا مېنىڭ قولۇمدا تۇرۇپتۇ، سىزنى ئۆلتۈرمەي ئېتىكىڭىزنىلا كېسىۋالغانلىقىمدىن مەندە يا يامانلىق، يا گۇناھنىڭ يوقلۇقىنى بىلىۋالالايسىز. گەرچە مەن سىزگە قىلچىلىك يامان نىيەتتە بولمىغان بولساممۇ، لېكىن سىز مېنىڭ جېنىمنى ئېلىش قەستىدە بولۇۋاتىسىز. كىمنىڭ توغرا، كىمنىڭ خاتا قىلغانلىقىغا پەرۋەردىگار ھۆكۈم چىقارغاي، پەرۋەردىگار مەن ئۈچۈن سىزدىن ئىنتىقام ئالغاي، مەن سىزگە قول تەگكۈزمەيمەن. «يامانلىق يامانلاردىن كېلەر» دېگەن ماقال بار، شۇڭا مەن سىزگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيمەن. ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى كىمنى تۇتقىلى چىقىپتۇ؟ سىز كىمنى قوغلاپ يۈرىسىز؟ ئەمەلىيەتتە قوغلاپ يۈرگىنىڭىز بىر ئۆلۈك ئىت، كىچىككىنە بىر بۈرگە، خالاس! پەرۋەردىگار ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا سوتچى بولۇپ، ھەق-ناھەققە ھۆكۈم چىقارسۇن، ئىشنى تەكشۈرۈپ، مېنى ئاقلىسۇن ۋە مېنى سىزنىڭ قولىڭىزدىن قۇتقۇزسۇن! داۋۇتنىڭ سۆزى تۈگىگەندىن كېيىن، سائۇل: _ ئوغلۇم داۋۇت! بۇ راستتىنلا سەنمۇ؟ _ دېدى ۋە قاتتىق يىغلاپ كەتتى. _ سەن توغرا قىلدىڭ، مەن بولسام خاتالاشتىم. مەن ساڭا يامانلىق قىلغانىدىم، ئەمما سەن ماڭا ياخشىلىق قىلدىڭ! بۈگۈن سەن ماڭا يامانلىق قىلمايدىغانلىقىڭنى ئىسپاتلىدىڭ. گەرچە پەرۋەردىگار بۈگۈن مېنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرغان بولسىمۇ، لېكىن سەن مېنى ئۆلتۈرمىدىڭ. كىممۇ سەندەك ئۆز دۈشمىنىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭغا ئاق يول تىلەپ يولغا سالىدۇ؟ پەرۋەردىگار سېنىڭ بۈگۈن ماڭا قىلغان ياخشىلىقىڭ ئۈچۈن ساڭا ياخشىلىق ياندۇرغاي! ئەمدى مەن سېنىڭ چوقۇم پادىشاھ بولىدىغانلىقىڭنى، ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىقى سېنىڭ قولۇڭدا مۇستەھكەملىنىدىغانلىقىنى بىلدىم. سەن ھازىر مەن ئۆلگەندىن كېيىن، مېنىڭ ۋە ئاتا جەمەتىمنىڭ نامىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆچۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، مېنىڭ ئەۋلادلىرىمنى قۇرۇتۇۋەتمەيدىغانلىقىڭ ھەققىدە پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىل! داۋۇت سائۇلغا قەسەم قىلىپ بەرگەندىن كېيىن، سائۇل ئۆز ئۆيىگە كەتتى. داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىمۇ تاغدىكى پاناھلىنىدىغان غارغا قايتتى. سامۇئىل ئالەمدىن ئۆتتى. پۈتۈن ئىسرائىللار يىغىلىپ ماتەم تۇتۇپ، ئۇنى ئۆز يۇرتى راماھتا دەپنە قىلدى. داۋۇت بولسا پاران چۆلىگە كەتتى. چۆلدە يۈرگەن داۋۇت نابالنىڭ قويلىرىنىڭ يۇڭىنى قىرقىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، يىگىتلىرىدىن ئوننى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا مۇنداق دەپ تاپىلىدى: _ سىلەر كارمەلگە بېرىپ نابال بىلەن كۆرۈشۈڭلار، مەندىن ئۇنىڭغا سالام ئېيتىڭلار ۋە مېنى: «ئۆزلىرىگە، ئائىلىلىرىگە ۋە سىلىگە تەۋە بولغانلارغا تەن سالامەتلىك ۋە مەمۇرچىلىق تىلەيمەن. ئاڭلىسام قويلىرىنىڭ يۇڭلىرىنى قىرقىۋېتىپتىلا، ئۆزلىرىنىڭ مالچىلىرى بىز بىلەن كارمەلدە باردى-كەلدى قىلغاندا، ئۇلارغا ھېچ زەرەر يەتكۈزمىگەنىدۇق، ئۇلار ھېچ نەرسىسىنى يوقاتمىغانىدى. ئادەملىرىدىن سوراپ باقسىلا، ئۇلار ئېيتىپ بېرىدۇ. بىز ئۆزلىرىنىڭ ئالدىلىرىدا ئىلتىپاتقا ئېرىشكەيمىز. خىزمەتكارلىرىم ھۇزۇرلىرىغا بايرام كۈنلىرى يېتىپ باردى، بۇ خىزمەتكارلىرىڭىزغا شۇنداقلا ئوغۇللىرى داۋۇتقا قوللىرىدىن كېلىشىچە ياردەم كۆرسەتكەيلا، دېدى» دەڭلار. داۋۇت ئەۋەتكەن يىگىتلەر كېلىپ، داۋۇتنىڭ نامىدا بۇ گەپلەرنى نابالغا ئېيتىپ، جاۋاب كۈتۈپ تۇردى. لېكىن نابال داۋۇتنىڭ يىگىتلىرىگە مۇنداق جاۋاب بەردى: _ كىم ئۇ داۋۇت دېگەن؟ كىم ئۇ يىشاينىڭ ئوغلى دېگەن؟ بۇ كۈنلەردە ئۆز خوجايىنلىرىدىن قېچىپ يۈرگەن خىزمەتكارلار ناھايىتى كۆپ. مەن قانداقسىگە ئاش-نېنىمنى ۋە قويلىرىمنىڭ يۇڭىنى قىرقىۋاتقانلارغا دەپ سويغان مالنىڭ گۆشىنى نەدىن كەلگەنلىكى نامەلۇم بولغان بىرلىرىگە بېرەي؟ داۋۇت ئەۋەتكەن يىگىتلەر بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ قايتىپ كەتتى. ئۇلار داۋۇتنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا نابالنىڭ سۆزلىرىنى ئەينەن يەتكۈزدى. داۋۇت ئادەملىرىگە: _ ھەربىرىڭلار قىلىچلىرىڭلارنى ئېسىڭلار، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن قىلىچلىرىنى ئېسىشتى، داۋۇتنىڭ ئۆزىمۇ قىلىچىنى ئاستى. ئىككى يۈز ئادەم ياراغ-جابدۇقلارنى ساقلاشقا قېلىپ، تۆت يۈزچە ئادەم داۋۇت بىلەن يولغا چىقتى. بۇ ئىشلار بولۇۋاتقاندا، نابالنىڭ بىر خىزمەتكارى نابالنىڭ ئايالى ئابىگالغا: _ قارىسىلا، داۋۇت چۆلدىن خوجايىنىمىزغا سالامغا ئەلچى ئەۋەتىپتىكەن، خوجايىنىمىز ئۇلارنى ھاقارەتلەپتۇ. لېكىن ئۇلار بىزگە ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلغان. بىز چۆل-باياۋاندا ئۇلار بىلەن باردى-كەلدى قىلغىنىمىزدا، ئۇلار بىزگە ھېچ زەرەر يەتكۈزمىگەنىدى، بىز ھېچ نەرسىمىزنى يوقاتمىغانىدۇق. بىز ئۇلار بىلەن بىللە بولۇپ، قويلىرىمىزنى بېقىپ يۈرگەن كۈنلەردە، ئۇلار بىزنى كېچە-كۈندۈز تامدەك قوغدىغانىدى. ئەمدى نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئۆزلىرى ئويلىنىپ باقسىلا، خوجايىنىمىز ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىنىڭ بېشىغا بالا-قازا كېلىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ، خوجايىنىمىزنىڭ مىجەزى بەك يامان، ئۇ ھېچكىمنىڭ گېپىنى يېمەيدۇ، _ دېدى. ئابىگال دەرھال ئىككى يۈز نان، ئىككى تۇلۇم شاراب، پىشۇرۇلغان بەش قوينىڭ گۆشى، ئىككى خالتا قوماچ، يۈز ئوچۇم كىشمىش ۋە ئىككى يۈز ئوچۇم قۇرۇتقان ئەنجۈر تەييارلاپ، ئېشەكلەرگە ئارتىپ، خىزمەتكارلىرىغا: _ سىلەر مېڭىۋېرىڭلار، مەن كەينىڭلاردىن بارىمەن _ دېدى. لېكىن ئۇ بۇ ئىشنى ئېرى نابالغا ئېيتمىدى. ئابىگال ئېشىكىگە مىنىپ، تاغنىڭ ئەگمىسىدىن چۈشۈۋاتقاندا، قارشى تەرەپتىن كېلىۋاتقان داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە دۇچ كېلىپ قالدى. داۋۇت ئادەملىرىگە مۇنداق دەۋاتاتتى: _ مېنىڭ چۆل-باياۋاندا بۇ كىشىنىڭ ماللىرىنى ساقلاپ، ئۇنىڭ نەرسىلىرىدىن ھېچنېمىسىنى يوقاتمىغانلىقىم بىكار بوپتۇ، قاراڭلار ئۇنىڭ ياخشىلىققا يامانلىق قايتۇرغىنىنى. خەپ، ئەتە تاڭ ئاتقۇچە بۇ ئادەمگە تەۋە ئەركەك زاتىدىن بىرەرسىنى تىرىك قالدۇرىدىغان بولسام، پەرۋەردىگار مېنى ئېغىر جازالىغاي! ئابىگال داۋۇتنى كۆرۈپ دەرھال ئېشىكىدىن چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، يەرگە باش قويۇپ، تەزىم قىلدى. ئۇ يەنە داۋۇتنىڭ پۇتى ئالدىدا تىزلىنىپ: _ تەقسىر، بۇ گۇناھ ماڭا ئارتىلسۇن، كېنىزەكلىرىگە ئىجازەت بەرگەيلا، سۆز قىلغىلى قويۇپ، سۆزىگە قۇلاق سالغايلا. تەقسىر، سىلى مىجەزى چۇس نابالغا ئېتىبار قىلمىغايلا، چۈنكى ئۇ ئۆز ئىسمىنىڭ مەنىسىدەك ئەخمەق ئادەم [«نابال» ئەخمەق دېگەن مەنىدە]، مەنكى كېنىزەكلىرى سىلى ئەۋەتكەن يىگىتلەرنى كۆرمەي قاپتىمەن. ھەي تەقسىرىم، ئەمدى مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا سىلىنىڭ جانلىرى بىلەن قەسەم قىلىپ ئېيتىمەنكى، پەرۋەردىگار سىلىنىڭ قان تۆكۈشلىرىگە، شۇنداقلا ئۆز قوللىرى بىلەن ئۆچ ئېلىشلىرىغا يول قويمىدى، شۇڭا سىلىنىڭ دۈشمەنلىرى ۋە سىلىگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ ھەممىسىگە دەل شۇ نابالنىڭ كۈنى كەلگەي. ئەمدى كېنىزەكلىرى ئېلىپ كەلگەن سوۋغاتلارنى قوبۇل قىلغايلا ۋە ئۆزلىرى بىلەن كەلگەن يىگىتلەرگە بەرگەيلا. كېنىزەكلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈشلىرىنى ئۆتۈنىمەن. پەرۋەردىگار ئۆزلىرىگە ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە مۇستەھكەم تۇرىدىغان خانىدانلىق ئاتا قىلىدۇ، چۈنكى ئۆزلىرى پەرۋەردىگار ئۈچۈن جەڭ قىلىپ كېلىۋاتىلا. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئۆمۈرلىرىنىڭ ئاخىرىغىچە ھېچبىر يامانلىق قىلمايلا. بىرەرسى سىلىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن كەينىلىرىگە چۈشسىمۇ، پەرۋەردىگار خۇدالىرى جانلىرىنى كۆز قارىچۇقىدەك ساقلايدۇ، دۈشمەنلىرىنىڭ جانلىرىنى سالغىغا سېلىپ ئاتقان تاشتەك پىرقىرىتىپ ئېتىۋېتىدۇ. پەرۋەردىگار سىلىگە ۋەدە قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بەجا كەلتۈرۈپ، سىلىنى ئىسرائىلىيەگە باش قىلغان چاغدا، «ئۆزۈم ئۈچۈن ئۆچ ئېلىپ، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۆكتۈم» دەپ، ۋىجدانلىرى ئالدىدا بىئارام بولۇشلىرىنىڭ ھاجىتى يوق. پەرۋەردىگار سىلىگە بەخت-سائادەت ئاتا قىلغاندا، كېنىزەكلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىغايلا، _ دېدى. داۋۇت ئابىگالغا: _ سىزنى بۈگۈن مېنىڭ ئالدىمغا ئەۋەتكەن پەرۋەردىگارغا، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇداغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! ئەقلىڭىز ئۈچۈن ۋە مېنى ئۆز قولۇم بىلەن ئۆچ ئېلىپ، بىگۇناھ قان تۆكۈشتىن ساقلاپ قالغانلىقىڭىز ئۈچۈن خۇدا سىزگە بەخت ئاتا قىلغاي! پەرۋەردىگار مېنىڭ سىزگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشۈمنىڭ ئالدىنى ئالدى. ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا _ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، مۇبادا سىز مېنىڭ ئالدىمغا تېز كەلمىگەن بولسىڭىز، ئەتە تاڭ ئاتقۇچە نابالنىڭ ئادەملىرىدىن بىرمۇ ئەركەك زاتى تىرىك قالمىغان بولاتتى، _ دېدى ۋە ئابىگال ئېلىپ كەلگەن سوۋغاتلارنى قوبۇل قىلدى. _ سۆزىڭىزنى تىڭشاپ، ئىلتىجايىڭىزنى قوبۇل قىلدىم، ئەمدى ئامان-ئېسەن ئۆيىڭىزگە قايتىڭ، _ دېدى. ئابىگال ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە، نابال ئۆيىدە خۇددى پادىشاھتەك كاتتا زىياپەت ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. ئۇ ھاراق ئىچىپ قاتتىق مەست بولۇپ، خۇشال-خۇراملىقتا ئىدى، شۇڭا ئابىگال ئەتىسى تاڭ ئاتقۇچە ئۇنىڭغا ھېچنېمە دېمىدى. ئەتىسى ئەتىگەندە نابالنىڭ مەستلىكى يېشىلگەن چاغدا، ئايالى ئۇنىڭغا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى دەپ بەردى. نابال بۇلارنى ئاڭلاپ مېڭىسىگە قان چۈشۈپ، پالەچ بولۇپ قالدى، تەخمىنەن ئون كۈندىن كېيىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ جېنىنى ئالدى. داۋۇت نابالنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلىغاندا: _ پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن، نابال مېنى ھاقارەت قىلغانىدى، پەرۋەردىگار ئۆزى مېنى ئاقلاپتۇ ھەم مېنى گۇناھ قىلىشتىن ساقلاپتۇ. ئۇ نابالنىڭ يامانلىقىنىمۇ ئۆز بېشىغا قايتۇرۇپتۇ! _ دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت ئارىغا ئادەم سېلىپ ئابىگالغا ئۆيلىنىش نىيىتىنى بىلدۈردى. داۋۇتنىڭ ئادەملىرى كارمەلگە بېرىپ، ئابىگال بىلەن كۆرۈشۈپ: _ داۋۇت سىزنى ئەمرىمگە ئالسام دەپ، بىزنى ئەلچىلىككە ئەۋەتتى، _ دېدى. ئابىگال يەرگە باش قويۇپ، تەزىم قىلىپ، ئۇلارغا: _ مەن خوجامنىڭ كېنىزىكى بولۇپ، ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ پۇتىنى يۇيۇشقىمۇ تەييارمەن، _ دېدى. ئابىگال دەرھال جابدۇنۇپ، ئېشىكىگە مىنىپ، بەش كېنىزىكىنى ئېلىپ، داۋۇتنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن بىللە بېرىپ، داۋۇتقا ياتلىق بولدى. ۋاھالەنكى، داۋۇت يىزرىئەللىك ئاخىنوئامنىمۇ ئەمرىگە ئالغانىدى، شۇ تەرىقىدە داۋۇت ئىككى خوتۇنلۇق بولدى. داۋۇتنىڭ بىرىنچى خوتۇنى مىكالنى ئاتىسى سائۇل پالتىغا خوتۇنلۇققا بېرىۋەتكەنىدى. پالتى گاللىملىق لايىشنىڭ ئوغلى ئىدى. بىرنەچچە زىفلىقلار گىبئاھقا كېلىپ، سائۇل بىلەن كۆرۈشۈپ: _ داۋۇت يېشىمون چۆلىنىڭ چېتىدىكى خاكىلا دېگەن ئېگىزلىكتە يوشۇرۇنۇپ يۈرىدۇ، _ دېيىشتى. بۇنى ئاڭلىغان سائۇل دەرھال ئىسرائىللاردىن ئۈچ مىڭ سەرخىل لەشكەرنى تاللاپ، داۋۇتنى ئىزدەش ئۈچۈن زىف چۆلىگە ئاتلاندى. سائۇل خاكىلا ئېگىزلىكىنىڭ يېنىدىكى يول بويىغا بارگاھ قۇردى. داۋۇت ئۇ چاغدا يەنىلا چۆلدە ئىدى، ئۇ سائۇلنىڭ چۆلدە ئۆزىنىڭ كەينىگە چۈشكەنلىكىنى ئاڭلاپ، تىڭتىڭلاپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى ۋە شۇ ئارقىلىق سائۇلنىڭ كەلگەنلىكىنى ئېنىق بىلىۋالدى. داۋۇت دەرھال سائۇل بارگاھ قۇرغان يەرگە بېرىپ، سائۇلنىڭ ۋە قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى نېرنىڭ ئوغلى ئابنېرنىڭ ياتقان يېرىنى كۆردى. سائۇل بارگاھنىڭ ئوتتۇرىسىدا، لەشكەرلىرى بولسا ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياتقانىدى. داۋۇت ئاخىمەلەك بىلەن ئابىشايدىن: _ قايسىڭلار مەن بىلەن سائۇلنىڭ بارگاھىغا بارىسىلەر؟ _ دەپ سورىۋىدى، ئابىشاي: _ مەن ئۆزۈم سىز بىلەن بارىمەن، _ دېدى. ئاخىمەلەك خىت خەلقىدىن ئىدى، ئابىشاي يوئابنىڭ ئاكىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئانىسى زىرۇيا ئىدى. شۇ كۈنى كېچىسى داۋۇت بىلەن ئابىشاي ئىككىسى بارگاھقا بېرىپ، سائۇلنىڭ بارگاھنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇخلاۋاتقانلىقىنى، بېشىنىڭ يېنىدا نەيزىسىنىڭ يەرگە سانجىقلىق تۇرغانلىقىنى، ئابنېر بىلەن لەشكەرلەرنىڭ ئۇنىڭ چۆرىسىدە ياتقانلىقىنى كۆردى. ئابىشاي داۋۇتقا: _ بۈگۈن پەرۋەردىگار دۈشمىنىڭىزنى قولىڭىزغا تاپشۇرۇپتۇ. ئەمدى ئىجازەت بېرىڭ، ئۇنى نەيزە بىلەن يەرگە مىخلاپ قوياي. بىرلا سانجىسام بولدى، ئىككىنچى سانجىشىمنىڭ ھاجىتى يوق! _ دېدى. _ ياق، ئۇنى ئۆلتۈرگۈچى بولما! _ دېدى داۋۇت ئابىشايغا، _ كىممۇ پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھقا قول تەگكۈزۈپ، گۇناھسىز قالسۇن؟ مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم ئىچىمەنكى، پەرۋەردىگار ئۆزى سائۇلنىڭ جېنىنى ئالىدۇ. ئۇ ياكى كۈنى توشۇپ ئالەمدىن ئۆتىدۇ، ياكى جەڭدە ھالاك بولىدۇ. پەرۋەردىگار مېنى ئۆزى تاللىغان پادىشاھقا قول سېلىشىمدىن ساقلىسۇن! ئۇنىڭ بېشىدىكى نەيزە بىلەن سۇداننى ئېلىپ كېتەيلى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت سائۇلنىڭ بېشىدىكى نەيزە بىلەن سۇداننى ئالدى ۋە ئۇ يەردىن كەتتى. ئۇلارنى ھېچكىم كۆرمىدى، ھېچكىم سەزمىدى. ھەتتا ھېچبىرى ئويغانمىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنى قاتتىق ئۇيقۇغا غەرق قىلىۋەتكەنىدى. شۇنداق قىلىپ داۋۇت جىلغىنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتۈپ، دۆڭگە چىقتى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا خېلى ئارىلىق بار ئىدى. داۋۇت سائۇلنىڭ ئادەملىرىگە ۋە نېرنىڭ ئوغلى ئابنېرغا قاراپ توۋلىدى: _ ھەي ئابنېر، جاۋاب بەرمەمسەن؟ _ سەن كىم، پادىشاھقا قاراپ توۋلاشقا جۈرئەت قىلغان؟ _ دېدى ئابنېر. _ سەن ئىسرائىلىيەدىكى تەڭدىشى يوق ئادەم ئەمەسمۇسەن؟ _ دېدى داۋۇت ئابنېرغا، _ بىرسى خوجايىنىڭ بولغان پادىشاھ ئالىيلىرىنى ئۆلتۈرگىلى كىرسە، سەن نېمىشقا پادىشاھنى ياخشى قوغدىمىدىڭ؟ بۇنداق قىلغىنىڭ ياخشى بولمىدى! مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، خوجايىنىڭلارنى، يەنى پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئۆلۈمگە مەھكۇمسىلەر. ئابنېر، ئەمدى قاراپ باققىنا، پادىشاھنىڭ بېشىدىكى نەيزە بىلەن سۇدان نەدە؟ سائۇل داۋۇتنىڭ ئاۋازىنى تونۇپ، ئۇنىڭغا: _ ئوغلۇم داۋۇت! بۇ راستتىنلا سەنمۇ؟ _ دېدى. _ لەببەي، پادىشاھ ئالىيلىرى، _ دەپ جاۋاب بەردى داۋۇت، _ مەن نېمە ئىش قىلدىم، نېمە يامانلىق ئۆتكۈزدۈم؟ خوجايىنىمنىڭ پېقىرنى قوغلاپ يۈرۈشىدىكى سەۋەب نېمە؟ پادىشاھ ئالىيلىرى، ئەمدى پېقىرنىڭ گېپىگە قۇلاق سېلىپ باقسىڭىز! ئەگەر سىزنىڭ ماڭا غەزەپلىنىشىڭىزگە پەرۋەردىگار سەۋەب بولغان بولسا، قۇربانلىقىم پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسىنى ئۆزگەرتكەي؛ ئەگەر بۇنى قىلىۋاتقانلار ئىنسانلار بولسا، ئۇلار پەرۋەردىگار ئالدىدا قارغىشقا كەتكەي. چۈنكى ئۇلار بۇ كۈنلەردە مېنى پەرۋەردىگارنىڭ زېمىنىدىن ھەيدەپ، يات ئىلاھلارغا چوقۇنىدىغان يەرگە قوغلىۋەتتى. ئەمدى مەن پادىشاھىمدىن قېنىمنىڭ يات زېمىندا، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن يىراق يەردە تۆكۈلۈشىگە يول قويماسلىقىنى ئۆتۈنىمەن، ئىسرائىللار پادىشاھىنىڭ مېنى _ كىچىككىنە بىر بۈرگىنى ئىزدەپ يۈرۈشى، خۇددى تاغقا شىكارغا چىققانلارنىڭ كەكلىك ئوۋلىغىنىدەكلا ئىشتۇر. سائۇل مۇنداق دېدى: _ مەن گۇناھ قىلدىم، قايتىپ كەل، ئوغلۇم داۋۇت! بۈگۈن جېنىمنى ئەزىز بىلگەنلىكىڭ ئۈچۈن ئەمدى ئىككىنچى ساڭا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيمەن. مەن ئەخمەقلىق قىلىپ، قاتتىق گۇناھ قىلىپتىمەن. _ مانا پادىشاھىمىزنىڭ نەيزىسى، _ دېدى داۋۇت، _ يىگىتلىرىڭىزدىن بىرى كېلىپ ئەكەتسۇن. پەرۋەردىگار بۈگۈن پادىشاھىمىز بولغان سىزنى قولۇمغا تاپشۇرغانىدى، لېكىن مەن پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھقا قول تەگكۈزمىدىم. پەرۋەردىگار ھەربىر ئادەمنى ئۇنىڭ ئادىللىقى ۋە ساداقەتلىكىگە يارىشا مۇكاپاتلايدۇ. بۈگۈن سىزنىڭ جېنىڭىز مېنىڭ نەزىرىمدە ئەزىز بىلىنگەندەك، مېنىڭ جېنىممۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئەزىز بىلىنسۇن ۋە مېنى بارلىق مۈشكۈلاتلاردىن خالىي قىلسۇن. _ بالام داۋۇت، خۇدا ساڭا بەخت ئاتا قىلغاي! سەن چوقۇم ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىسەن ھەم غەلىبىگە ئېرىشىسەن! _ دېدى سائۇل. شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت ئۆز يولىغا كەتتى، سائۇلمۇ ئۆيىگە قايتتى. ۋاھالەنكى، داۋۇت ئۆز كۆڭلىدە: «بىر كۈنى بولمىسا بىر كۈنى سائۇلنىڭ قولىدا ئۆلىدىغان ئوخشايمەن، ئۇنىڭدىن كۆرە فىلىستىيەلىكلەر زېمىنىغا قېچىپ كەتكىنىم ياخشىدەك تۇرىدۇ، سائۇل مېنىڭ ئىسرائىلىيە زېمىنىدا ئەمەسلىكىمنى بىلسە، ئۈمىدسىزلىنىپ، مېنى ئىزدەپ يۈرمەس. شۇنداق قىلسام، ئۇنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ كېتەرمەن» دەپ ئويلىدى-دە، ئالتە يۈز ئادىمىنى باشلاپ، چېگرادىن ئۆتۈپ، مائوكنىڭ ئوغلى، گات پادىشاھى ئاكىشنىڭ يېنىغا پاناھلانغىلى كەلدى. ئۇلار ھەرقايسىسى ئۆزلىرىنىڭ بالا-چاقىلىرىنى ئېلىپ، گاتتا ئاكىشنىڭ يېنىغا جايلاشتى، داۋۇتنىڭ ئىككى خوتۇنى يىزرىئەللىك ئاخىنوئام بىلەن نابالدىن تۇل قېلىپ داۋۇتقا تەگكەن كارمەللىك ئابىگالمۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىدى. «داۋۇت گاتقا قېچىپ كېتىپتۇ» دېگەن خەۋەر يېتىپ كەلگەندە، سائۇل ئۇنى ئىزدەشتىن توختىدى. داۋۇت ئاكىشقا: _ ئەگەر پېقىر نەزەرلىرىدە ئىلتىپاتقا لايىق ئادەم بولسام، ئەتراپتىكى شەھەرلەردىن ياشاشقا بىر جاي بەرسىلە، پېقىر قانداقسىگە ئۆزلىرى بىلەن پايتەختتە ياشسۇن، _ دېگەنىدى، ئاكىش شۇ كۈنىلا زىقلاق شەھىرىنى ئۇنىڭغا بەردى. شۇ سەۋەبتىن زىقلاق شەھىرى تاكى ھازىرغىچە يەھۇدىيە پادىشاھلىرىغا تەۋە بولۇپ كەلمەكتە. داۋۇت فىلىستىيەلىكلەر زېمىنىدا بىر يىل تۆت ئاي تۇردى. بۇ جەرياندا داۋۇت ئۆز ئادەملىرى بىلەن ئاتلىنىپ چىقىپ گىشۇرلۇقلار، گىرزىلەر ۋە ئامالەكلەرگە ھۇجۇم قىلىپ تۇردى. بۇ خەلقلەر تىلائىمدىن تارتىپ شۇرغىچە، ھەتتا مىسىرغىچە بولغان جايلاردا ياشاپ كەلگەنىدى. داۋۇت ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغاندا يا ئەر، يا ئاياللاردىن بىرىنىمۇ تىرىك قالدۇرمايتتى. قوي، كالا، تۆگە، ئېشەك ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى ئولجا ئېلىپ كېلىپ، ئاكىش بىلەن كۆرۈشەتتى. ئاكىش: «سىلەر بۇ قېتىم قەيەرلەرگە ھۇجۇم قىلدىڭلار؟» دەپ سورىسا، داۋۇت بەزىدە: «يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ چۆلدىكى بىر شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدۇق» دېسە، بەزىدە: «يىراخمىئېللارنىڭ چۆلدىكى بىر شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدۇق» ياكى: «قېنلارنىڭ چۆلدىكى بىر شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدۇق» دەيتتى. داۋۇت ھېچكىمنى گاتقا ئېلىپ كەلمەيتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ۋە ئادەملىرىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ بىلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن تىرىك قالدۇرمايتتى. داۋۇت فىلىستىيەلىكلەرنىڭ زېمىنىدا تۇرغان چېغىدا داۋاملىق شۇنداق قىلاتتى. ئاكىش داۋۇتقا ئىشىنەتتى ۋە ئىچىدە: «داۋۇت ئۆز خەلقى ئىسرائىللارغا ئۆزىنى قەبىھ دۈشمەن قىلىپ قويدى. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ مەڭگۈ مېنىڭ خىزمەتكارىم بولۇپ ئۆتىدۇ» دەپ ئويلايتتى. شۇ كۈنلەردە فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن قوشۇنلىرىنى يىغدى. ئاكىش پادىشاھ داۋۇتقا: _ بىلىۋېلىڭ، سىز ئادەملىرىڭىز بىلەن مەن تەرەپتە تۇرۇپ جەڭ قىلىسىز، _ دېدى. _ پېقىرنىڭ قانداق ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىمنى ئەمدى كۆرىسىلە، _ دېدى داۋۇت. _ ئۇنداق بولسا، سىزنى ئۆزۈمگە مەڭگۈ ياساۋۇل قىلىپ تەيىنلەيمەن، _ دېدى ئاكىش. سامۇئىل ئالەمدىن ئۆتكەن، پۈتۈن ئىسرائىللار ئۇنىڭغا ماتەم تۇتۇپ، ئۇنى ئۆز يۇرتى راماھتا دەپنە قىلغان چاغلار ئىدى. سائۇل پالچى ۋە باخشىلارنى ئىسرائىلىيەدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتكەنىدى. فىلىستىيەلىكلەر يىغىلىپ، شۇنېمدا بارگاھ قۇردى؛ سائۇلمۇ پۈتۈن ئىسرائىللارنى يىغىپ، گىلبوۋادا بارگاھ قۇردى. سائۇل فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قوشۇنىنى كۆرۈپ، قاتتىق قورقۇپ كەتتى، ئۇنى ۋەھىمە باستى. سائۇل پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلغانىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يا چۈش، يا «ئۇرىم» ۋە «تۇممىم»لار ياكى پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق جاۋاب بەرمىدى. شۇڭا ئۇ ئەمەلدارلىرىغا: _ ماڭا ئەرۋاھ چاقىرالايدىغان بىر ئايال تېپىپ كېلىڭلار، مەن ئۇ ئارقىلىق ئۆلگەنلەردىن سوراپ باقاي، _ دېدى. _ ئېندوردا ئەرۋاھ چاقىرالايدىغان بىر باخشى ئايال بار، _ دېدى ئەمەلدارلار. شۇنداق قىلىپ سائۇل كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ، تەق-تۇرقىنى ئۆزگەرتىپ، ئىككى ئادىمىنى ئېلىپ، كېچىسى ھېلىقى باخشى ئايالنىڭ قېشىغا باردى. سائۇل ئۇنىڭغا: _ ئىلتىماس قىلاي، مەن ئۈچۈن ئەرۋاھلاردىن مەسلىھەت سورىسىڭىز، مەن ئىسمىنى ئېيتماقچى بولغان كىشىنىڭ روھىنى چاقىرىپ بەرسىڭىز، _ دېدى. _ ئۆزىڭىز سائۇل پادىشاھنىڭ پالچى ۋە باخشىلارنى زېمىنىمىزدىن يوقىتىپ، قوغلاپ چىقىرىۋەتكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن جېنىمنى قەستلەپ، مېنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرمەكچى بولىسىز؟ _ دېدى باخشى ئايال. _ مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، سىز بۇ ئىش تۈپەيلى جازاغا تارتىلمايسىز، _ دېدى سائۇل باخشى ئايالغا. _ مەن ئۆزىڭىزگە كىمنى چاقىرىپ بېرەي؟ _ دېدى باخشى ئايال. _ ماڭا سامۇئىلنى چاقىرىپ بەرسىڭىز، _ دېدى سائۇل. باخشى ئايال سامۇئىلنى كۆرۈپ قاتتىق ۋارقىرىۋەتتى ۋە سائۇل پادىشاھقا: _ نېمىشقا مېنى گوللايلا؟ سىلى سائۇل ئىكەنلىغۇ، _ دېدى. سائۇل ھېلىقى باخشى ئايالغا: _ قورقما! نېمىنى كۆرىۋاتىسەن؟ _ دېۋىدى. باخشى ئايال سائۇلغا: _ مەن بىر ئەرۋاھنىڭ ئۆلۈكلەر ماكانىدىن چىقىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىمەن، _ دېدى. _ ئۇنىڭ تەق-تۇرقى قانداق ئىكەن؟ _ دەپ سورىدى سائۇل. _ بىر مويسىپىت ئادەم چىقىپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇچىسىغا تون كىيىۋاپتۇ، _ دېدى باخشى ئايال. سائۇل بۇنىڭ سامۇئىل ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى-دە، يەرگە باش قويۇپ، تەزىم قىلدى. _ سەن نېمىشقا مېنى چاقىرىپ ئاۋارە قىلىسەن؟ _ دېدى سامۇئىل. _ مەن تولىمۇ پەرىشان بولۇپ كېتىۋاتىمەن، _ دېدى سائۇل، _ چۈنكى فىلىستىيەلىكلەر ماڭا قارشى جەڭگە چىقتى، پەرۋەردىگارمۇ مېنى تەرك ئەتتى، ئۇ يا پەيغەمبەرلەر، يا چۈش ئارقىلىق ماڭا جاۋاب بەرمىدى. نۆۋەتتە نېمە قىلىشىم كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەي دەپ، ئۆزۈڭنى چاقىردىم. _ پەرۋەردىگار سېنى تاشلاپ، ساڭا دۈشمەن بولغانىكەن، ئەمدى يەنە نېمىدەپ مەندىن مەسلىھەت سوراپ يۈرىسەن؟ پەرۋەردىگار مەن ئارقىلىق ئېيتقىنىنى قىلدى. پادىشاھلىقنى قولۇڭدىن تارتىۋېلىپ، داۋۇتقا بەردى. سەن پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش قىلىپ، ئامالەكلەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىپ، ئۇنىڭ كۈچلۈك غەزىپىنى ئۇلارغا يەتكۈزمىگەنلىكىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگار سېنى بۇ كۈنگە قويدى. پەرۋەردىگار ئەمدى ئىسرائىللارنى سەن بىلەن قوشۇپ فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ. ئەتە سەنمۇ، ئوغۇللىرىڭمۇ مەن بىلەن بىللە بولىسىلەر. پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيە قوشۇنىنىمۇ فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ، _ دېدى سامۇئىل. سائۇل سامۇئىلنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ شۇنداق قورقۇپ كەتتىكى، يەرگە يىقىلىپ، سۇنايلىنىپ يېتىپ قالدى. ئۇ يەنە كېلىپ بىر كېچە-كۈندۈز غىزا يېمىگەنلىكى ئۈچۈن ھالسىراپ كەتكەنىدى. باخشى ئايال سائۇلنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭ قاتتىق قورقۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ: _ قارىسىلا، كەمىنە قۇللىرى گەپلىرىگە كىرىپ، ئۆلۈمگە قارىماي تاپشۇرۇقلىرىنى ئورۇندىدى. سىلىمۇ قۇللىرىنىڭ سۆزىگە كىرىپ ئالدىلىرىغا ئاز-پاز غىزا كەلتۈرۈشۈمگە رۇخسەت قىلغايلا، غىزالانسىلا قۇۋۋەتلىنىپ يوللىرىغا ماڭالايلا، _ دېدى. سائۇل ئۇنىماي: _ ياق، يېمەيمەن، _ دېدى. بىراق ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋە باخشى ئايالنىڭ يالۋۇرۇشلىرىدىن كېيىن، ئۇلارغا ماقۇل بولۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ سۇپىغا كېلىپ ئولتۇردى. باخشى ئايال ئۆيىدىكى بورداۋاتقان بىر تايىنچىسىنى سويدى. ئاندىن خېمىر يۇغۇرۇپ، پېتىر نان سالدى. تائاملارنى سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىغا كەلتۈردى. ئۇلار غىزالىنىپ، شۇ كېچىسىلا يولغا چىقىپ كەتتى. فىلىستىيەلىكلەر ھەممە قوشۇنلىرىنى ئافېققا يىغدى، ئىسرائىللار بولسا يىزرىئەلدىكى بۇلاق بويىغا بارگاھ قۇردى. فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرى لەشكەرلىرىنى يۈزگە، مىڭغا بۆلۈپ سەپ تۈزۈپ، ئىلگىرىلەشكە باشلىدى. داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئاكىش بىلەن بىللە ئۇنىڭ قوشۇنىنىڭ ئارقا تەرىپىدە ماڭدى. بۇ چاغدا فىلىستىيەلىكلەرنىڭ سەركەردىلىرى: _ بۇ ئىبرانىيلارغا بۇ يەردە نېمە بار؟ _ دېيىشتى. _ بۇ ئىسرائىلىيە پادىشاھى سائۇلغا ئەمەلدار بولغان داۋۇتقۇ، خېلىدىن بېرى يېنىمدا يۈرىدۇ. مەن تەرەپكە ئۆتكەندىن بېرى، ئۇنىڭدىن بىرەر سەۋەنلىك كۆرمىدىم، _ دېدى ئاكىش ئۇلارغا. فىلىستىيەلىكلەرنىڭ سەركەردىلىرى ئاكىشقا خاپا بولۇپ: _ بۇ ئادەمنى ئۆزلىرى ئۇنىڭغا ئاجرىتىپ بەرگەن جايغا قايتۇرۇۋەتكەن بولسىلا، ئۇ بىز بىلەن بىرگە جەڭگە كىرسە بولمايدۇ، ئۇ جەڭ مەيدانىدا بىزگە قارشى چىقىدىغان دۈشمەن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇ ئۆزىنىڭ خوجىسىنى نېمە بىلەن رازى قىلىدۇ، دەل بىزنىڭ ئادەملىرىمىزنىڭ كاللىسىنى ئېلىش بىلەن رازى قىلىدۇ-دە! بۇ داۋۇتقۇ! ئىسرائىلىيەدىكى ئاياللار: «سائۇل قىردى مىڭلاپ-مىڭلاپ، داۋۇت قىردى تۈمەنلەپ-تۈمەنلەپ» دەپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناشمىغانمىدى؟! _ دېدى. ئاكىش داۋۇتنى چاقىرتىپ كېلىپ ئۇنىڭغا: _ مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، سىز دۇرۇس ئادەم، جەڭگە مەن بىلەن بىللە چىقسىڭىز ياخشى بولاتتى. سىز بۇ يەرگە كەلگەندىن بېرى سىزدە بىرەر سەۋەنلىك كۆرمىدىم، لېكىن باشقا بەگلىرىمىز سىزنى خالىمايدىكەن. ئەمدى سىز قايتىڭ، ئامان-ئېسەن قايتىپ كېتىڭ، بەگلىرىمىزنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ قويماڭ، _ دېدى. _ پېقىر نېمە خاتا ئىش قىلىپتۇ؟ _ دېدى داۋۇت، _ مەن سىلى تەرەپكە ئۆتكەن كۈندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە مەندىن ھېچبىر سەۋەنلىك تاپالمىغان تۇرسىلا، نېمىشقا پادىشاھ ئالىيلىرى بىلەن بىللە دۈشمەنلىرىگە قارشى جەڭ قىلسام بولمايدىكەن؟ _ بىلىمەن، سىز مېنىڭ نەزىرىمدە خۇددى خۇدانىڭ پەرىشتىسىدەك ياخشى ئادەمسىز، ئەمما فىلىستىيەلىك سەركەردىلىرىمىز: «بۇ كىشى بىز بىلەن بىللە جەڭگە چىقسا بولمايدۇ» دەپ قارار چىقاردى. شۇڭا سىز ۋە سىزگە ئەگىشىپ كەلگەنلەر ئەتە سەھەر تۇرۇپ، تاڭ ئېتىشى بىلەنلا بۇ يەردىن كېتىڭلار، _ دەپ جاۋاب بەردى ئاكىش. شۇ سەۋەبتىن داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى سەھەر تۇرۇپ يولغا چىقىپ، فىلىستىيەلىكلەر زېمىنىغا قايتتى. فىلىستىيەلىكلەر بولسا يىزرىئەلگە قاراپ ئاتلاندى. داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۈچىنچى كۈنى زىقلاق شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. بۇ چاغدا ئامالەكلەر يەھۇدا زېمىنىنىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلغانىدى ۋە زىقلاق شەھىرىگە ئوت قويۇپ، شەھەرنى تالان-تاراج قىلغانىدى. شەھەردىكى ئاياللارنى، مەرتىۋىسى يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولسۇن، ھەممىسىنى ئوغۇل-قىزلىرى بىلەن قوشۇپ ئەسىر قىلىپ، بىرىنىمۇ ئۆلتۈرمەي، ئۆزلىرى بىلەن ئېلىپ كەتكەنىدى. داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى بۇ شەھەرگە كەلگەندە، شەھەرنىڭ كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى، ئاياللىرى بىلەن ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ئەسىر قىلىنىپ كېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ھۆڭرەپ يىغلاپ ھالى قالمىدى. داۋۇتنىڭ ئىككى ئايالى ئاخىنوئام ۋە ئابىگالمۇ ئەسىر قىلىنغانىدى. داۋۇت قاتتىق قىيىنچىلىقتا قالدى، چۈنكى كۆپچىلىك ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى ئۈچۈن ئەلەمدە قېلىپ، ھەسرەت چەكمەكتە ئىدى، ئۇلار داۋۇتنى چالما-كېسەك قىلايلى، دېيىشكەنىدى. داۋۇت بولسا ئۆز پەرۋەردىگارى خۇدادىن مەدەت تاپتى. داۋۇت خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلىش ئۈچۈن ئاخىمەلەكنىڭ ئوغلى روھانىي ئەبىياتارغا: _ ئېفودنى ئەكەل، _ دېدى. ئەبىياتار ئېفودنى داۋۇتقا ئەكېلىپ بەردى. داۋۇت پەرۋەردىگاردىن: _ مەن بۇ قاراقچىلارنى قوغلاپ بارسام بولارمۇ، ئۇلارنى تۇتالارمەنمۇ؟ _ دەپ سورىغانىدى. پەرۋەردىگاردىن: _ قوغلا، چوقۇم تۇتالايسەن ھەم ئەسىرلەرنى قۇتقۇزالايسەن، _ دېگەن جاۋاب كەلدى. داۋۇتنىڭ ئادەملىرى دالادا مىسىرلىق بىر ئادەمنى ئۇچرىتىپ، ئۇنى داۋۇتنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلدى ۋە ئۇنىڭغا يېمەك-ئىچمەك ھەم بىر ئوچۇم قۇرۇتقان ئەنجۈر ۋە ئىككى ئوچۇم كىشمىش بەردى. غىزالانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تېنىگە ماغدۇر كىردى. ئۇ ئۈچ كېچە-كۈندۈز ئاغزىغا ھېچنېمە سالمىغانىدى. داۋۇت ئۇنىڭدىن: _ سەن كىمنىڭ ئادىمىسەن، قەيەرلىكسەن؟ _ دەپ سورىغانىدى، ئۇ: _ مەن مىسىرلىقمەن، ئامالەكلەردىن بولغان بىر ئادەمنىڭ قۇلىمەن. بۇنىڭدىن ئۈچ كۈن ئىلگىرى كېسەل بولۇپ قالغانىدىم، خوجايىنىم مېنى دالادا تاشلاپ كەتتى. بىز كىرېتلەر، كالىب ۋە يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر تۇرغان يەھۇدا چۆلىدىكى شەھەرلەرگە ھۇجۇم قىلىپ كىرگەنىدۇق ھەم زىقلاق شەھىرىگە ئوت قويۇۋەتكەنىدۇق، _ دەپ جاۋاب بەردى. داۋۇت ئۇنىڭدىن: _ سەن مېنى ئاشۇ قاراقچىلارنىڭ يېنىغا باشلاپ بارالامسەن؟ _ دەپ سورىغانىدى، ئۇ: _ مېنى ئۆلتۈرمەسلىككە ھەم خوجايىنىمغا تاپشۇرۇپ بەرمەسلىككە پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم ئىچسىلە، مەن سىلىنى ئاشۇ قاراقچىلارنىڭ يېنىغا باشلاپ باراي، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مىسىرلىق داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى ئامالەكلەرنىڭ يېنىغا باشلاپ ماڭدى. قاراقچىلار ھەممە يەرلەرگە يېيىلىپ، فىلىستىيەلىكلەر ۋە يەھۇدا زېمىنىدىن قولغا چۈشۈرگەن كاتتا ئولجىلاردىن خۇش بولۇپ، يەپ-ئىچىشىپ، ئولجىلارغا ئېرىشكەنلىكلىرىنى تەبرىكلىشىۋاتاتتى. داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئەتىسى كۈن چىقىشى بىلەن ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ، بىر كۈن كەچكىچە ئۇلارنى شۇنداق قىردىكى، تۆگىگە مىنىپ قاچقان تۆت يۈز يىگىتتىن باشقا ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمىدى. داۋۇت ئامالەكلەر ئەسىرگە ئالغان بارلىق ئادەملەر بىلەن، ئولجا قىلغان مال-مۈلۈكلەرنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇۋالدى، جۈملىدىن ئىككى ئايالىنىمۇ قۇتقۇزۇۋالدى. ئۇ ئەسىر قىلىنغان ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ھەممىسىنى ۋە ئولجا قىلىنغان مال-مۈلۈكلەرنىڭ ھەتتا بىرىنىمۇ قالدۇرماي قايتۇرۇۋالدى. داۋۇت قوي-كالا پادىلىرىنىمۇ ئولجا ئالدى. ئۇلارنى ئۇنىڭ ئادەملىرى ئالدىغا سېلىپ ھەيدەپ، «بۇ داۋۇتنىڭ ئولجىلىرى» دەپ توۋلاشتى. شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت ھېرىپ-چارچىغانلىقىدىن ئۆزى بىلەن ماڭالماي، بىسور جىلغىسىدا قېلىپ قالغان ئىككى يۈز ئادەمنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى. ئۇلار داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئالدىغا چىقتى، داۋۇت كۆپچىلىككە يېقىنلاپ كېلىپ ئۇلارغا سالام قىلدى. لېكىن داۋۇت بىلەن بارغانلارنىڭ ئىچىدىكى يارىماس، يامان ئادەملەر: _ ئۇلار بىز بىلەن بارمىغاندىكىن، بىز ياندۇرۇۋالغان ئولجىدىن ئۇلارغا بۆلۈپ بەرمەيلى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خوتۇن، بالا-چاقىلىرىنىلا ئېلىپ كەتسۇن، _ دېيىشتى. _ ھەي بۇرادەرلەر، بىزنى ئامان ساقلاپ، قاراقچىلارنى قولىمىزغا تاپشۇرغان پەرۋەردىگار بىزگە ئىنئام قىلغان مالنى ئۇلارغا بۆلۈپ بەرمىسەك بولمايدۇ. سىلەرنىڭ بۇ گېپىڭلارغا كىم قۇلاق سالىدۇ؟ جەڭگە چىققانلار بىلەن ياراغ-جابدۇقلارغا قاراشقا قالغانلارنىڭ ئۈلۈشى ئوخشاشتۇر، ھەممە نەرسە تەڭ بۆلۈنسۇن، _ دېدى داۋۇت ۋە دېگەنلىرىنى ئىسرائىلىيەنىڭ نىزامى قىلىپ بېكىتتى. ئۇشبۇ نىزام تاكى ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كەلمەكتە. داۋۇت زىقلاق شەھىرىگە قايتىپ كەلگەندە، ئولجىدىن دوستلىرىغا، يەنى يەھۇدا ئاقساقاللىرىغا ئەۋەتىپ: «بۇ بىزنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ دۈشمەنلىرىدىن ئالغان ئولجىمىز، سىلەرگە تارتۇق بولسۇن» دېدى ۋە ئولجىدىن بەيتەل، يەھۇدا زېمىنىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان راموت، ياتتىر، ئاروئېر، سىفموت، ئەشتىموۋا ۋە راكال دېگەن يەرلەرنىڭ، شۇنداقلا يىراخمىئېللار ۋە قېنلار ياشايدىغان ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ ۋە خورماھ، بورئاشان، ئاتاك، ھىبرون دېگەن يەرلەرنىڭ ئاقساقاللىرىغا ئەۋەتتى. داۋۇت ئۆز ئادەملىرى بىلەن كېزىپ چىققان ھەممە يەرلەرنىڭ ئاقساقاللىرىغا تارتۇق ئەۋەتتى. فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللار بىلەن جەڭ قىلىشتى. نۇرغۇن ئىسرائىللار گىلبوۋا تېغىدا قازا قىلدى، قالغانلىرى فىلىستىيەلىكلەردىن قاچتى. فىلىستىيەلىكلەر سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ، ئاخىرى سائۇلنىڭ ئوغۇللىرىدىن يوناتان، ئابىناداب، مالكىشۇۋالارنى ئۆلتۈردى. سائۇلنىڭ ئەتراپىدا جەڭ ئەۋجىگە چىقتى، شۇ پەيتتە سائۇل دۈشمەن ئوقياچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىلىپ، قاتتىق يارىلاندۇرۇلدى. سائۇل ئۆزىنىڭ قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە: _ قىلىچىڭنى سۇغۇر، مېنى ئۆلتۈرۈۋەت، ئاۋۇ خەتنىسىزلەر كېلىپ، ماڭا قىلىچ سانجىپ مېنى خورلىمىسۇن، _ دېدى. قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچى قاتتىق قورقۇپ كەتكىنىدىن ئۇنداق قىلىشقا ئۇنىمىدى. سائۇل ئۆزىنىڭ قىلىچىنى سۇغۇرۇپ چىقىرىپ، ئۆزىنى قىلىچ ئۈستىگە تاشلىدى. قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچى سائۇلنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇمۇ ئۆزىنى قىلىچى ئۈستىگە تاشلاپ ئۆلدى. شۇنىڭ بىلەن سائۇل، ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى، قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ۋە بارلىق ئادەملىرى شۇ بىر كۈن ئىچىدە بىللە ئۆلدى. يىزرىئەل جىلغىسىنىڭ قارشى تەرىپىدە ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ نېرىسىدا تۇرۇۋاتقان ئىسرائىللار ئىسرائىلىيە لەشكەرلىرىنىڭ قاچقانلىقىنى، سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ، شەھەرلىرىنى تاشلاپ قاچتى. ئاندىن فىلىستىيەلىكلەر كېلىپ ئۇ شەھەرلەرگە ئولتۇراقلىشىپ قالدى. ئەتىسى فىلىستىيەلىكلەر ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى سالدۇرۇۋېلىشقا كەلگەندە، سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلىنىڭ گىلبوۋا تېغىدا ئۆلۈك ھالدا ياتقانلىقىنى كۆرۈپ، سائۇلنىڭ كاللىسىنى كېسىۋېلىپ، ساۋۇت-دۇبۇلغىلىرىنى سالدۇرۇۋالدى. فىلىستىيەلىكلەر ئۆز زېمىنىنىڭ ھەر تەرىپىگە چاپارمەنلەرنى ئەۋەتىپ، ئۆز بۇتخانىلىرىغا ۋە خەلققە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزدى. ئۇلار سائۇلنىڭ ساۋۇت-دۇبۇلغىلىرىنى ئاشتورەت دېگەن ئايال ئىلاھنىڭ بۇتخانىسىغا قويۇپ، جەسىتىنى بەيتشان شەھىرىنىڭ سېپىلىغا مىخلاپ قويدى. گىلئادتىكى يابېش شەھىرىنىڭ ئاھالىسى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ سائۇلغا قىلغانلىرىنى ئاڭلىغاندا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەممە باتۇرلار بىر كېچە يول مېڭىپ، سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ جەسەتلىرىنى بەيتشاننىڭ سېپىلىدىن ئېلىپ چۈشۈپ، يابېشقا ئاپىرىپ، ئۇ يەردە كۆيدۈردى. ئاندىن ئۇلار سۆڭەكلىرىنى ئېلىپ، يابېشتا بىر يۇلغۇن دەرىخىنىڭ تۈۋىگە دەپنە قىلىپ، يەتتە كۈن روزا تۇتتى. سائۇل ئۆلگەندىن كېيىن، داۋۇت ئامالەكلەرنى يېڭىپ قايتىپ كېلىپ، زىقلاق شەھىرىدە ئىككى كۈن تۇردى. ئۈچىنچى كۈنى سائۇلنىڭ بارگاھىدىن بىر ياش يىگىت كەلدى. ئۇ قايغۇدىن كىيىملىرىنى يىرتىپ، بېشىغا توپا چېچىپ، داۋۇتنىڭ ئالدىدا ئېگىلىپ تەزىم قىلدى. داۋۇت ئۇنىڭدىن: _ قەيەردىن كەلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى. _ ئىسرائىللارنىڭ بارگاھىدىن قېچىپ كەلدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ يىگىت. داۋۇت يەنە: _ نېمە بولدى؟ قېنى سۆزلە، _ دېدى. _ لەشكەرلەر جەڭگاھتىن قېچىپ كېتىشتى، نۇرغۇن كىشىلىرىمىز ئۆلتۈرۈلدى. سائۇل بىلەن ئوغلى يوناتانمۇ ھالاك بولدى، _ دېدى ئۇ. داۋۇت بۇ خەۋەرنى ئېلىپ كەلگەن يىگىتتىن: _ سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى يوناتاننىڭ ئۆلگەنلىكىنى سەن قانداق بىلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى. يىگىت: _ ئۇ چاغدا مەن دەل گىلبوۋا تېغىدا ئىدىم. ئۇ يەردە سائۇلنىڭ ئۆز نەيزىسىگە يۆلىنىپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. دۈشمەننىڭ جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن ئاتلىق قىسمى ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقان ئىكەن. ئۇ ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ، مېنى كۆرۈپ چاقىردى، مەن «لەببەي» دېدىم. ئۇ مەندىن: «سەن كىم بولىسەن؟» دەپ سورىدى، «مەن ئامالەكلەردىن بولىمەن» دەپ جاۋاب بەردىم. ئۇ ماڭا: «ئۆتۈنۈپ قالاي، بۇ ياققا كەل، مېنى ئۆلتۈرۈۋەت، جېنىم چىقماي بەك قىينىلىپ كەتتىم» دېدى. مەن ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقىنى بىلدىم ۋە ئۇنىڭ تىرىك قالالمايدىغانلىقىغا كۆزۈم يېتىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتىم. شۇنداقلا ئۇنىڭ بېشىدىكى تاجىسىنى، بىلىكىدىكى بىلەزۈكىنى جانابىي ئالىيلىرىغا تەقدىم قىلىشقا ئېلىپ كەلدىم، _ دېدى. داۋۇت قايغۇدىن ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى يىرتتى، ئۇنىڭ ئادەملىرىمۇ شۇنداق قىلدى. ئۇلار قىلىچ ئاستىدا قازا قىلغان سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئوغلى يوناتان شۇنداقلا پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى _ ئىسرائىللار ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ، يىغا-زار قىلىپ، كۈن پاتقۇچە روزا تۇتتى. داۋۇت خەۋەر يەتكۈزگەن يىگىتتىن: _ سەن قەيەرلىك بولىسەن؟ _ دەپ سورىدى. _ مەن ئامالەكلەردىن بولىمەن، زېمىنىڭىزدىكى مۇھاجىرلارنىڭ پەرزەنتىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ. داۋۇت ئۇنىڭغا: پەرۋەردىگار ئۆزى تاللىغان پادىشاھنى ئۆلتۈرۈشكە قولۇڭ قانداق باردى؟ _ دېدى. ئاندىن داۋۇت ئادەملىرىدىن بىرىنى چاقىرىپ: _ قېنى، ئۇنى ئۆلتۈر! _ دەپ بۇيرۇدى. ئۇ ئادەم بىر قىلىچ ئۇرۇپ ئامالەكنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. داۋۇت: _ قان تۆككەنلىكىڭ ئۆز بېشىڭغا چىقتى، چۈنكى سەن پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھنى ئۆلتۈرگەنلىكىڭنى ئىقرار قىلىپ، ئۆز ئاغزىڭ بىلەن ئۆزۈڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلدىڭ، _ دېدى. ئاھ ئىسرائىلىيە! غۇرۇرلۇق ئەزىمەتلىرىڭ قەتل قىلىندى تاغلاردا، ئۇ پالۋانلار يىقىلغاندۇ قانداقچە! ئېلان قىلماڭلار بۇنى گات شەھىرىدە، بايان قىلماڭلار ئاشقىلون كوچىلىرىدا: خۇشال بولۇپ كەتمىسۇن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ئاياللىرى، شادىمانمۇ بولمىسۇن خەتنىسىزلەرنىڭ قىزلىرى! ئەي، گىلبوۋا تاغلىرى! ئۈستۈڭلەرگە شەبنەم ياكى يامغۇر چۈشمىسۇن، يەرلىرىڭلاردىن ھوسۇل چىقمىسۇن، چۈنكى يېرىڭلاردا باتۇرلارنىڭ قالقىنى بۇلغاندى، سائۇلنىڭ قالقىنى ئەمدىلىكتە ماي بىلەن ئەمەس، بەلكى جەڭدە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ قېنى، باتۇرلارنىڭ تېنىدىكى ماي بىلەن مايلاندى. يوناتاننىڭ ئوقياسى قۇرۇق قايتمايتتى، سائۇلنىڭ قىلىچىمۇ غەلبىسىز قايتىپ كەلمەيتتى. سائۇل بىلەن يوناتان قەدىردان ۋە ئېسىل ئادەملەر ئىدى. ھاياتىدىمۇ، ئۆلۈمىدىمۇ بىر-بىرىدىن ئايرىلمىدى. ئۇلار بۈركۈتتىنمۇ چاققانىدى، شىردىنمۇ كۈچلۈك ئىدى! ئەي ئىسرائىلىيەنىڭ قىز-ئاياللىرى! سائۇل ئۈچۈن ماتەم تۇتۇڭلار. ئۇ سىلەرگە توق قىزىل رەڭلىك، قىممەت باھالىق كىيىملەرنى كىيدۈرگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىنى ئالتۇندىن ياسالغان زىبۇ-زىننەتلەر بىلەن بېزەتكۈزگەن. باتۇرلار قانداقچە يىقىلغاندۇ جەڭدە، يوناتان قانداقچە قەتل قىلىنغاندۇ تاغلاردا! ئەي بۇرادىرىم يوناتان، مەن ساڭا ماتەم تۇتاي. سەن ماڭا تولىمۇ قەدىردان ئىدىڭ، ئاجايىپ ئىدى سېنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتىڭ، ئارتۇق ئىدى ھەتتا ئاياللارنىڭ مۇھەببىتىدىنمۇ. پالۋانلار يىقىلغاندۇ قانداقچە، جەڭ قوراللىرى يوق بولغاندۇ قانداقچە! شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت پەرۋەردىگاردىن: _ يەھۇدا شەھەرلىرىنىڭ بىرەرسىگە بارايمۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ بار، _ دېدى پەرۋەردىگار. _ قايسى شەھەرگە باراي؟ _ دەپ سورىدى داۋۇت. _ ھىبرونغا بار! _ دېدى پەرۋەردىگار. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئىككى ئايالىنى _ يىزرىئەللىك ئاخىنوئام بىلەن كارمەللىك نابالدىن تۇل قېلىپ داۋۇتقا تەگكەن ئابىگالنى ئېلىپ، ھىبرونغا كەتتى. داۋۇت يەنە ئۆز ئادەملىرىنى ھەم ئۇلارنىڭ خوتۇن-بالىلىرىنى بىللە ئېلىپ ماڭدى. ئۇلار ھىبرون شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارغا ئولتۇراقلاشتى. شۇنىڭدىن كېيىن يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر ھىبرونغا كېلىپ، داۋۇتنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئۇنى يەھۇدا قەبىلىسىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. داۋۇت سائۇلنى گىلئادتىكى يابېشلىقلارنىڭ دەپنە قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا ئەلچىلەر ئارقىلىق مۇنۇ سۆزلەرنى يەتكۈزدى: «سىلەر جانابىي پادىشاھىڭلار سائۇلغا شاپائەت كۆرسىتىپ، ئۇنى دەپنە قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگار سىلەرگە بەخت ئاتا قىلغاي. سىلەرنىڭ قىلغان بۇ خەيرلىك ئىشلىرىڭلارغا يارىشا، پەرۋەردىگار سىلەرگە ھازىرلا مېھرىبانلىق ۋە ۋاپادارلىقىنى يەتكۈزگەي. مەنمۇ قىلغان ياخشىلىقىڭلارنى سىلەرگە ياخشىلىق قىلىش بىلەن ياندۇراي. پادىشاھىڭلار سائۇل ۋاپات بولدى. يەھۇدا قەبىلىسى مېنى ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلىپ تەيىنلىدى. ئەمدى دادىل ۋە قەيسەر بولۇڭلار.» نېر دېگەن ئادەمنىڭ ئوغلى ئابنېر سائۇلنىڭ قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى بولۇپ، ئۇ سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەتنى ماخانايىم شەھىرىگە ئېلىپ كەلدى. ئۇ يەردە ئابنېر ئىشبوشەتنى گىلئاد، ئاشۇر، يىزرىئەل، ئەفرايىم ۋە بىنيامىن دېگەن زېمىنلارغا، يەنى پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەت ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇپ تىكلەنگەندە، قىرىق ياشتا ئىدى؛ ئۇ ئىسرائىلىيەگە ئىككى يىل پادىشاھلىق قىلدى. ۋاھالەنكى، يەھۇدا قەبىلىسى داۋۇتقا ئەگەشتى. داۋۇت ھىبروندا يەھۇدا قەبىلىسىگە جەمئىي يەتتە يېرىم يىل پادىشاھ بولدى. بىر كۈنى نېرنىڭ ئوغلى ئابنېر سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەتنىڭ ئادەملىرىنى باشلاپ، ماخانايىمدىن چىقىپ گىبئون شەھىرىگە قاراپ ماڭدى. مەزلۇم زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب بولسا داۋۇتنىڭ ئادەملىرىنى باشلاپ، گىبئون كۆلىنىڭ بويىدا ئۇلار بىلەن ئۇچراشتى. ئىشبوشەتنىڭ ئادەملىرى كېلىپ كۆلنىڭ بۇ تەرىپىدە، داۋۇتنىڭ ئادەملىرى بولسا كۆلنىڭ ئۇ تەرىپىدە ئولتۇرۇشتى. ئابنېر يوئابقا قاراپ: _ يىگىتلەردىن بىرنەچچىسى چىقىپ ئالدىمىزدا ئېلىشىپ باقسۇن، _ دەپ توۋلىدى. _ مەيلى، ئېلىشسۇن، _ دېدى يوئاب. شۇنداق قىلىپ ئىشبوشەت بىلەن بىنيامىن قەبىلىسى ئون ئىككى ئادەم چىقىرىپ، داۋۇتنىڭ ئون ئىككى ئادىمى بىلەن ئېلىشتى. ئۇلار رەقىبلىرىنىڭ بېشىنى مەھكەم تۇتۇپ، بېقىنلىرىغا خەنجەر ئۇرۇشتى. شۇ تەرىقىدە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈشتى. شۇنىڭ ئۈچۈن گىبئوندىكى بۇ يەر «خەنجەر مەيدانى» دەپ ئاتالدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى تەرەپ قاتتىق ئېلىشىشقا باشلىدى. نەتىجىدە ئابنېر بىلەن ئىسرائىللار داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئالدىدا مەغلۇپ بولدى. مەزلۇم زىرۇيانىڭ يوئاب، ئابىشاي، ئاسائېل دېگەن ئۈچ ئوغلى شۇ يەردە ئىدى. ئاسائېلنىڭ پۇتى خۇددى دالادىكى جەرەندەك چاققانىدى. ئاسائېل ئابنېرنىڭ ئارقىسىدىن قالماي، ئىز بېسىپ قوغلاپ ماڭدى. ئابنېر ئارقىسىغا قاراپ ئۇنىڭدىن: _ سەن ئاسائېلمۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ ھەئە، _ دېدى ئۇ. _ مېنى قوغلاشتىن توختا، باشقا بىرەر لەشكەرنى قوغلاپ، ئۇنىڭ قورال-ياراغلىرىنى تارتىۋال _ دېدى ئابنېر. لېكىن ئاسائېل ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قالماي، داۋاملىق قوغلاپ كەلدى. _ مېنى قوغلىما! _ دېدى ئابنېر ئاسائېلغا يەنە بىر قېتىم، _ مېنى جېنىڭنى ئېلىشقا زورلىما. ئۇنداق قىلسام ئاكاڭ يوئابنىڭ يۈزىگە قانداقمۇ قارىيالايمەن؟ لېكىن ئاسائېل ئۇنى قوغلاشتىن توختىمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئابنېر نەيزىسىنىڭ ئارقا ئۇچى بىلەن ئۇنىڭ قورسىقىغا بىر ئۇرۇۋىدى، نەيزە ئاسائېلنىڭ دۈمبىسىدىن چىقتى. ئاسائېل يىقىلىپ شۇ يەردىلا جان بەردى. ئاسائېلنىڭ جەسىتى ياتقان يەرگە كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى شۇ يەردە توختاپ قالدى. ئەمدى يوئاب بىلەن ئابىشاي ئابنېرنى قوغلاشقا باشلىدى. ئۇلار كۈن ئولتۇرغاندا ئامماھ ئېگىزلىكىگە يېتىپ كەلدى. بۇ ئېگىزلىك گىبئون چۆلىگە چىقىدىغان يول بويىدىكى گىياخ دېگەن يەرنىڭ يېنىغا جايلاشقانىدى. بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەر ئابنېرنىڭ ئەتراپىغا يىغىلىپ، بىر توپ بولۇپ ئېگىزلىكنىڭ ئۈستىدە ھازىر بولۇشتى. ئابنېر يوئابقا قاراپ: _ قاچانغىچە بىر-بىرىمىزنى قىرىمىز؟ بۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ يامان بولىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟ سەن ئۆز ئادەملىرىڭگە: «ئۆز قېرىنداشلىرىڭلارنى قوغلىماڭلار» دەپ قاچان بۇيرۇق قىلىسەن؟ _ دەپ توۋلىدى. _ مەڭگۈ ھايات خۇدا ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر سەن بايىقى سۆزلەرنى قىلمىغان بولساڭ، ئادەملىرىم ئۆز قېرىنداشلىرىنى ئەتە سەھەرگىچە داۋاملىق قوغلىغان بولاتتى، _ دېدى يوئاب ۋە بۇرغا چالدۇرۇۋىدى، ئادەملىرى ئىسرائىللارنى قوغلاشتىن توختىدى، ئۇلار بىلەن جەڭمۇ قىلمىدى. ئابنېر ئادەملىرى بىلەن كېچىلەپ ئىئوردان ۋادىسىنى بويلاپ مېڭىپ، ئىئوردان دەرياسىدىن كېچىپ ئۆتۈپ، ئەتىسى ئەتىگەندە ماخانايىمغا يېتىپ كەلدى. يوئاب ئابنېرنى قوغلاشتىن ۋاز كېچىپ، ئادەملىرىنى توپلىغاندا، داۋۇتنىڭ ئادەملىرىدىن ئاسائېلدىن باشقا يەنە 19 ئادەم كەم چىقتى. لېكىن داۋۇتنىڭ ئادەملىرى بىنيامىن قەبىلىسىدىن، يەنى ئابنېرنىڭ ئادەملىرىدىن 360 ئادەمنى ئۆلتۈرگەنىدى. يوئاب ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئاسائېلنى ئېلىپ كېلىپ، بەيتلەھەمدە ئۆز ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلدى. ئاندىن ئۇلار بىر كېچە يول مېڭىپ، تاڭ ئاتقاندا ھىبرونغا يېتىپ كەلدى. سائۇل بىلەن داۋۇتنىڭ جەمەتى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ئۇزۇن ۋاقىتقىچە داۋام قىلىپ تۇردى. داۋۇت كۈندىن-كۈنگە كۈچەيدى، سائۇلنىڭ جەمەتى بولسا كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلاشتى. داۋۇت ھىبروندا بىرنەچچە ئوغۇل پەرزەنت كۆردى: تۇنجىسى يىزرىئەللىك ئاخىنوئامدىن تۇغۇلغان ئامنون، ئىككىنچىسى كارمەللىك نابالدىن تۇل قالغان ئابىگالدىن تۇغۇلغان كىلاب، ئۈچىنچىسى گىشۇرنىڭ پادىشاھى تالماينىڭ قىزى مائاكادىن تۇغۇلغان ئابسالوم، تۆتىنچىسى خاگگىتتىن تۇغۇلغان ئادونىيا، بەشىنچىسى ئابىتالدىن تۇغۇلغان شىفاتيا، ئالتىنچىسى داۋۇتنىڭ يەنە بىر ئايالى ئەگلاھتىن تۇغۇلغان يىترىئامدۇر. بۇلار داۋۇتنىڭ ھىبروندا كۆرگەن پەرزەنتلىرىدۇر. سائۇل بىلەن داۋۇت جەمەتى ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولۇپ تۇرغان مەزگىللەردە ئابنېرنىڭ سائۇل جەمەتىدىكى تەسىر كۈچى كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ باردى. سائۇلنىڭ رىزپاھ ئىسىملىك بىر توقىلى بار ئىدى، ئۇ ئايياھنىڭ قىزى ئىدى. بىر كۈنى ئىشبوشەت ئابنېرغا: _ سەن نېمىشقا ئاتامنىڭ توقىلى بىلەن بىر ئورۇندا ياتىسەن؟ _ دېگەنىدى، ئابنېر ئىشبوشەتنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بەك خاپا بولۇپ: سەن مېنى يەھۇدا قەبىلىسىگە ئىشلەۋاتقان لالما ئىت دەپ قارامسەن؟ ھازىرغىچە مەن ئاتاڭ سائۇلنىڭ جەمەتىگە، ئۇنىڭ بۇرادەرلىرى بىلەن دوستلىرىغا سادىق بولۇپ، سېنى داۋۇتنىڭ قولىغا چۈشۈرمىگەن بولساممۇ، لېكىن سەن بۈگۈن ماڭا: «ئۇ خوتۇن بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلدىڭ» دەپ ئەيىب ئارتامسەن؟ ئىشبوشەت قورققىنىدىن ئۇنىڭغا بىر ئېغىزمۇ جاۋاب قايتۇرالمىدى. ئابنېر داۋۇتقا ئەلچى ئەۋەتىپ، «بۇ پۈتۈن زېمىن ماڭا تەۋە ئەمەسمۇ؟ مەن بىلەن ئەھدە تۈزسىلە، سىلىگە ياردەملىشىپ پۈتۈن ئىسرائىلىيەنى ئۆزلىرىگە قارايدىغان قىلىپ بېرىمەن» دېدى. «ياخشى گەپ! سىز بىلەن ئەھدە تۈزەي، بىراق ئالدى بىلەن سىزدىن بىر ئىشنى تەلەپ قىلىمەن. سىز مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەندە، سائۇلنىڭ قىزى مىكالنى ئېلىپ كېلىڭ، بولمىسا مەن بىلەن كۆرۈشەلمەيسىز» دېدى داۋۇت. داۋۇت يەنە سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەتنىڭ قېشىغا ئەلچىلەر ئەۋەتىپ: «مەن 100 فىلىستىيەلىكنىڭ خەتنە تېرىسىگە ئالغان ئايالىم مىكالنى ماڭا قايتۇرۇپ بېرىڭ» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىشبوشەت ئادەملىرىنى ئەۋەتىپ، مىكالنى ئۇنىڭ ئېرى _ لايىشنىڭ ئوغلى پالتىدىن تارتىۋالدى. مىكالنىڭ ئېرى تاكى باخۇرىمغىچە ئەگىشىپ يىغلاپ كەلدى. ئابنېر ئۇنىڭغا: _ بولدى، قايتىپ كەت! _ دېدى. ئۇ قايتىپ كەتتى. ئابنېر ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارغا: _ سىلەر ئۇزۇندىن بېرى داۋۇتنىڭ ئۆزۈڭلارغا پادىشاھ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ كەلگەنىدىڭلار، ئەمدى ۋاقتى كەلدى! پەرۋەردىگار خىزمەتكارى داۋۇتقا: «مەن خەلقىم ئىسرائىللارنى فىلىستىيەلىكلەر ۋە بارلىق دۈشمەنلىرىدىن سەن ئارقىلىق قۇتۇلدۇرىمەن» دەپ ۋەدە قىلغانىدى، _ دېدى. ئابنېر بۇ گەپنى بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەرگىمۇ ئېيتتى. ئاندىن ئىسرائىللار بىلەن بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ نېمىگە ماقۇل بولغانلىقىنى داۋۇتقا ئېيتقىلى ھىبرونغا باردى. ئابنېر 20 ئادەمنى باشلاپ ھىبروندا تۇرۇۋاتقان داۋۇتنىڭ يېنىغا كەلگەندە، داۋۇت ئابنېر ۋە ئۇنىڭ بىلەن كەلگەنلەرنىڭ شەرىپىگە زىياپەت بەردى. ئابنېر داۋۇتقا: _ ئەمدى كېتىشىمگە ئىجازەت بەرسىلە، پۈتۈن ئىسرائىللارنى جانابىي ئالىيلىرىنىڭ ئالدىغا جەم قىلاي، ئۇلار ئۆزلىرى بىلەن ئەھدە تۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرى ئۈمىد قىلىپ كەلگەندەك پۈتۈن خەلقنىڭ پادىشاھى بولىلا، _ دېدى. داۋۇت ئابنېرنى يولغا سالدى، ئۇ ئامان-ئېسەن كەتتى. شۇ چاغدا، يوئاب ۋە داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئۇرۇش قىلىپ نۇرغۇن ئولجىلار بىلەن قايتىپ كەلدى. ۋاھالەنكى ئابنېر ھىبروندا داۋۇت بىلەن بىللە ئەمەس ئىدى، داۋۇت ئۇنى يولغا سالغان بولۇپ، ئۇ ئامان-ئېسەن قايتىپ كەتكەنىدى. يوئاب ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەتكەن لەشكەرلەر قايتىپ كېلىشى بىلەنلا، يوئابنىڭ قۇلىقىغا: «نېرنىڭ ئوغلى ئابنېر كېلىپ داۋۇت پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈپتۇ، پادىشاھ ئۇنى يولغا سېلىپتۇ، ئۇ ئامان-ئېسەن قايتىپ كېتىپتۇ» دېگەن خەۋەر يېتىپ كەلدى. بۇنى ئاڭلىغان يوئاب پادىشاھ داۋۇت بىلەن كۆرۈشۈپ: _ بۇ نېمە قىلغىنىڭىز؟ نېرنىڭ ئوغلى ئابنېر ئۆزى يېنىڭىزغا كەلسە، نېمىشقا ئۇنى يولغا سېلىپ قويدىڭىز؟ مانا ئەمدى ئۇ كېتىپ قاپتۇ. سىز نېرنىڭ ئوغلى ئابنېرنى ياخشى بىلىسىز، ئۇ بۇ يەرگە سىزنى ئالدىغىلى، نەگە بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىڭىزنى ۋە نېمە ئىش بىلەن بەند بولۇۋاتقانلىقىڭىزنى بىلگىلى كەلگەن، _ دېدى. يوئاب داۋۇتنىڭ يېنىدىن چىقىپ، ئابنېرنى قوغلاپ تۇتۇشقا ئادەملىرىنى ئەۋەتتى. ئۇلار ئۇنى سىراھ قۇدۇقىنىڭ يېنىدىن ياندۇرۇپ ئېلىپ كەلدى. لېكىن داۋۇت بۇ ئىشلاردىن بىخەۋەر ئىدى. ئابنېر ھىبرونغا قايتىپ كەلگەندە، يوئاب ئۇنىڭغا: «ئايرىم سۆزلىشەيلى» دەپ، شەھەر سېپىلىنىڭ دەرۋازىسىغا جايلاشقان بىر ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ، «ئىنىم ئاسائېل ئۈچۈن ئىنتىقام ئالاي» دەپ، ئابنېرنىڭ قورسىقىغا خەنجەر تىقىپ ئۆلتۈردى. داۋۇت بۇ ۋەقەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن: _ ئابنېرنىڭ ئاققان قېنى ئۈچۈن مەن ۋە پادىشاھلىقىم پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا مەڭگۈ ئەيىبكار ئەمەس. ئۇنىڭ قېنى يوئاب ۋە ئۇنىڭ ئاتا جەمەتىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ بېشىغا چۈشسۇن! يوئابنىڭ جەمەتىدىن يىرىڭلىق يارا ۋە ئىنساننى ناپاك قىلىدىغان تېرە كېسەللىكلىرى ۋە پەقەت ئاياللارنىڭ ئىشلىرىنىلا قىلالايدىغان، قىلىچ ئاستىدا ئۆلتۈرۈلگەن ۋە نانغا زار بولغان كىشىلەر ھېچ تۈگىمىسۇن، _ دېدى. ئابنېر گىبئوندىكى جەڭدە يوئابنىڭ ئىنىسى ئاسائېلنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن يوئاب بىلەن ئۇنىڭ ئاكىسى ئابىشاي ئابنېرنى قەتل قىلدى. داۋۇت يوئاب ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرغانلارغا: «كىيىملىرىڭلارنى يىرتىڭلار، بۆز رەختكە يۆگىنىڭلار، ئابنېر ئۈچۈن ھازا تۇتۇڭلار!» دېدى. داۋۇت پادىشاھ ئۆزىمۇ جىنازىنىڭ كەينىدىن ماڭدى. ئۇلار ئابنېرنى ھىبروندا دەپنە قىلدى. پادىشاھ داۋۇت ئابنېرنىڭ قەبرىسى يېنىدا ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى، كۆپچىلىكمۇ كۆز يېشى قىلىشتى. پادىشاھ داۋۇت يەنە ئابنېرغا ئاتاپ مۇنۇ مەرسىيەنى ئوقۇدى: ئەي ئابنېر، ئەخمەقلەردەك ئۆلۈشۈڭ كېرەكمىدى؟ قوللىرىڭ باغلاقلىق ئەمەس ئىدى، پۇتلىرىڭغا كىشەن سېلىقلىق ئەمەس ئىدى، رەزىللەرنىڭ قارا نىيىتىدە يىقىلدىڭ مانا ئەمدى! كۆپچىلىك يەنە ئابنېر ئۈچۈن يىغلاپ كېتىشتى. ئۇلار داۋۇتنى كەچ كىرگۈچە ئازراق غىزا يېۋېلىشقا ئۈندىگەنىدى، داۋۇت قەسەم قىلىپ: ئەگەر مەن كۈن پاتقۇچە ئاغزىمغا بىرەر نەرسە سالسام، پەرۋەردىگار مېنى ئېغىر جازالىسۇن، _ دېدى. كۆپچىلىك بۇنى ئاڭلاپ ئۇنىڭدىن مەمنۇن بولۇشتى. پادىشاھنىڭ قىلغان ھەممە ئىشلىرىدىن ئۇلار خۇشال ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە داۋۇتنىڭ بارلىق ئادەملىرىگە ۋە پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە نېرنىڭ ئوغلى ئابنېرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدە پادىشاھنىڭ قولىنىڭ يوقلۇقى مەلۇم بولدى. پادىشاھ ئۆزىنىڭ ئادەملىرىگە: _ بىلمەمسىلەر، بۈگۈن ئىسرائىلىيەدىن بىر يولباشچى _ ئۇلۇغ بىر ئىنسان كەتتى. مەن خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان پادىشاھ بولساممۇ، لېكىن مەن يەنىلا ئاجىزمەن. زىرۇيانىڭ بۇ ئىككى ئوغلى _ يوئاب بىلەن ئابىشاي زوراۋانلاردۇر، مەن ئۇلارنى باشقۇرالمايمەن. پەرۋەردىگار يامانلارنىڭ قىلمىشىغا يارىشا جازاسىنى بەرگەي، _ دېدى. سائۇلنىڭ ئوغلى ئىشبوشەت ئابنېرنىڭ ھىبروندا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلاپلا، يۈرىكى سېلىپ كەتتى، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىمۇ ئالاقزادە بولۇپ كەتتى. ئىشبوشەتنىڭ خىزمىتىدە بائانا ۋە رېكاب ئىسىملىك قاراقچىلار توپلىرىنىڭ ئىككى سەركەردىسى بار ئىدى، ئۇلار بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بەئەروتتا ياشايدىغان رىمموننىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. بەئەروت شەھىرى ئۇ ۋاقىتتا بىنيامىن قەبىلىسىگە تەۋە زېمىن ئىدى. بەئەروتنىڭ ئەسلى ئاھالىسى گىتتايىمغا قېچىپ بېرىپ، تاكى ھازىرغىچە شۇ يەردە مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتاننىڭ ئىككىلا پۇتى ئاقسايدىغان مىفىبوشەت ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىدى. يىزرىئەلدىن سائۇل بىلەن يوناتاننىڭ قازا قىلغانلىق خەۋىرى يېتىپ كەلگەندە، ئۇ بەش ياشتا ئىدى. خەۋەر يېتىپ كېلىشى بىلەن ئىنىكئانىسى ئۇنى ئېلىپ قاچقانىدى، ئىنىكئانا ئالمان-تالمان قاچقاچقا، بالا يەرگە چۈشۈپ كېتىپ، توكۇر بولۇپ قالغانىدى. بىر كۈنى چۈش ۋاقتىدا بەئەروتتا ياشايدىغان رىمموننىڭ ئوغلى رېكاب بىلەن بائانا ئىشبوشەتنىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئىشبوشەت چۈشلۈك ئۇيقۇدا ئىدى. كۆزەتچى ئايال بۇغداي تاسقاپ، چارچاپ كېتىپ مۈگدەپ قالغانىدى. ئۇلار ئۆيگە غىپپىدە كىرىۋالدى. ئۇلار ئۆيگە كىرگەن چاغدا، ئىشبوشەت ئۆزىنىڭ ياتىقىدا كارىۋاتتا ياتاتتى، ئۇلار ئۇنىڭغا خەنجەر تىقىپ ئۆلتۈرۈپ، كاللىسىنى كېسىۋالدى ۋە كاللىسىنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە ئېلىپ كېتىپ، ئىئوردان ۋادىسىنى بويلاپ بىر كېچە ماڭدى. ئۇلار ئىشبوشەتنىڭ كاللىسىنى ھىبرونغا _ داۋۇت پادىشاھنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا: _ ئۆزلىرىنىڭ رەقىبى سائۇل ئىلگىرى جانلىرىنى ئېلىش قەستىدە بولغانىدى. قارىسىلا، مانا بۇ ئۇنىڭ ئوغلى ئىشبوشەتنىڭ كاللىسى. پەرۋەردىگار بۈگۈن پادىشاھى ئالەمنىڭ سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئالىدىغان ئىنتىقامىنى ئېلىپ بەردى، _ دېدى. لېكىن داۋۇت رېكاب بىلەن بائاناغا جاۋاب بېرىپ: _ جېنىمنى ھەممە قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغان مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، ئىلگىرى ماڭا «قارىسىلا، سائۇل ئۆلدى!» دەپ خەۋەر يەتكۈزگۈچى كىشى، ماڭا خۇش خەۋەر يەتكۈزدۈم دەپ بىلگەن. لېكىن مەن ئۇنىڭ يەتكۈزگەن خەۋىرىگە مۇكاپات ئورنىدا ئۇنى تۇتۇپ، زىقلاقتا قەتل قىلغانىدىم. ئۇنداقتا، ئەيىبسىز بىر ئادەمنى ئۆيىدە، ياتقان يېرىدە قەتل قىلغان رەزىللەرگە نېمىمۇ مۇكاپات بېرەي؟ ئۇ ئادەمنىڭ خۇنىنى تەلەپ قىلىپ، مەن سىلەرنى يەر يۈزىدىن يوق قىلمايمەنمۇ؟ _ دېدى. داۋۇت ئادەملىرىگە ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشنى بۇيرۇدى. داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، پۇت-قوللىرىنى كېسىپ، تەنلىرىنى ھىبروندىكى كۆلچەكنىڭ بويىغا ئېسىپ قويۇشتى. ئىشبوشەتنىڭ كاللىسىنى ئابنېرنىڭ ھىبروندىكى قەبرىسىگە ئېلىپ بېرىپ دەپنە قىلىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىلىيە قەبىلىلىرىنىڭ ھەممىسى ھىبرونغا كېلىپ داۋۇتنىڭ قېشىغا يىغىلدى. ئۇلار داۋۇتقا: _ قارىسىلا، بىز سىلىنىڭ جانجىگەر تۇغقانلىرى بولىمىز. بۇرۇن سائۇل بىزگە پادىشاھ بولۇپ تۇرغان ۋاقتىدا، ئۇرۇشلاردا ئىسرائىل خەلقىگە باشچىلىق قىلغانىدىلە. پەرۋەردىگارمۇ سىلىگە: «سەن خۇددى بىر پادىچى ئۆز قويلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاندەك، مېنىڭ خەلقىم بولغان ئىسرائىللارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىسەن ۋە ئۇلارغا باشچى بولىسەن» دېگەنىدى، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ، داۋۇت ھىبروندا ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرى بىلەن «پەرۋەردىگار گۇۋاھ بولسۇن» دەپ، ئەھدە تۈزدى. ئۇلار داۋۇتنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئۇنى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلدى. داۋۇت تەختكە ئولتۇرغان چېغىدا ئوتتۇز ياش ئىدى، ئۇ قىرىق يىل تەختتە ئولتۇردى. ئۇ ھىبروندا يەھۇدا قەبىلىسىگە يەتتە يېرىم يىل، يېرۇسالېمدا پۈتۈن ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەگە ئوتتۇز ئۈچ يىل پادىشاھ بولدى. داۋۇت پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى يېرۇسالېمغا كېلىپ، شۇ يەردە تۇرىدىغان يىبۇسلارغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغانىدى، يىبۇسلار: «داۋۇت ھەرگىز بۇ يەرگە كىرەلمەيدۇ» دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭغا: _ سەن بۇ يەرگە كىرەلمەيسەن، سىلەرنى ھەتتا بۇ يەردىكى كور-توكۇرلارمۇ توسۇپ قالالايدۇ، _ دېدى. (كېيىن، داۋۇت سىئون قەلئەسىنى ھۇجۇم قىلىپ ئالدى ۋە بۇ قەلئەگە «داۋۇت شەھىرى» دەپ نام بەردى.) داۋۇت ئۇ چاغدا ئۆز ئادەملىرىگە: _ كىمكى يىبۇسلارنى يوقاتماقچى بولسا، ماڭا ئۆچ بولغان شۇ «كور» ۋە «توكۇر»لارنىڭ يېنىغا ئۆستەڭ ئارقىلىق بېرىپ، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلسۇن، _ دېدى. شۇ سەۋەبتىن «كور ۋە توكۇرلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىرەلمەيدۇ» دېگەن گەپ پەيدا بولغان. شۇنداق قىلىپ، داۋۇت قەلئەنى ئىگىلەپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ قالدى ۋە ئۇ قەلئەنى «داۋۇت شەھىرى» دەپ ئاتىدى. داۋۇت شەھەرنى تىندۇرۇلغان يەردىن باشلاپ كېڭەيتىپ قۇردى. داۋۇت كۈندىن-كۈنگە كۈچەيدى. پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار خۇدا ئۇنىڭغا يار ئىدى. تىر پادىشاھى ھىرام ئەلچىلەرنى داۋۇتنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە كېدىر ياغاچلىرى، ياغاچچىلار ۋە تاشچىلارنىمۇ ئەۋەتتى. ئۇلار داۋۇتقا ئوردا سېلىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىنى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆز خەلقى ئىسرائىللار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ پادىشاھلىقىنى گۈللەندۈرگەنلىكىنى بىلدى. داۋۇت ھىبروندىن كەتكەندىن كېيىن يېرۇسالېمدا يەنە بىرقانچە خوتۇن ۋە توقاللارنى ئالدى ۋە نۇرغۇن پەرزەنت كۆردى. يېرۇسالېمدىكى پەرزەنتلىرىنىڭ ئىسىملىرى: شاممۇۋا، شوباب، ناتان، سۇلايمان يىبخار، ئەلىشۇۋا، نەفەگ، يافىيا، ئەلىشاما، ئەليادا ۋە ئەلىفەلەت. داۋۇتنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇلۇپ، ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلىپ تەيىنلەنگەنلىكىنى ئاڭلىغان فىلىستىيەلىكلەر لەشكەرلىرىنى داۋۇتنى تۇتۇشقا ئەۋەتتى. داۋۇت بۇنى ئاڭلاپ، پاناھلىنىش ئۈچۈن تاغدىكى غارغا كەتتى. فىلىستىيەلىكلەر كېلىپ رافائىم جىلغىسىغا تارقالدى. داۋۇت پەرۋەردىگاردىن: _ مەن فىلىستىيەلىكلەرگە قارشى جەڭگە چىقايمۇ؟ ئۇلارنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرامسەن؟ _ دەپ سورىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ جەڭگە چىق، مەن چوقۇم فىلىستىيەلىكلەرنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت بائال-پىرازىمغا بېرىپ، فىلىستىيەلىكلەرنى مەغلۇپ قىلدى ۋە: «پەرۋەردىگار دۈشمەنلىرىم ئۈستىدىن خۇددى كەلكۈندەك بۆسۈپ ئۆتتى» دېدى. شۇڭا داۋۇت ئۇ يەرگە «بائال-پىرازىم» [مەنىسى «بۆسۈپ ئۆتكۈچى ئىگە»] دېگەن نامنى بەردى. فىلىستىيەلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرىنى شۇ يەرگە تاشلاپ قاچقانىدى. داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۇ بۇتلارنى ئېلىپ كەتتى. ۋاھالەنكى، فىلىستىيەلىكلەر كېلىپ يەنە رافائىم جىلغىسىغا تارقالدى. داۋۇت يەنە پەرۋەردىگاردىن نېمە ئىش قىلىش كېرەكلىكىنى سورىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ ئۇلارنىڭ ئالدى تەرىپىدىن بارماي، ئارقىسىغا ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ئۇلارغا تېرەكلىكنىڭ يېنىدىن ھۇجۇم قىل، سەن تېرەكلەرنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىن لەشكەرلىرىمنىڭ ئاياغ تىۋىشلىرىنى ئاڭلىشىڭ بىلەنلا تېز ھەرىكەت قىل، چۈنكى شۇ چاغدا مەن سېنىڭ ئالدىڭدا فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قوشۇنىغا قارشى ھۇجۇمغا چىققان بولىمەن، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىش تۇتۇپ، فىلىستىيەلىكلەرنى گەبادىن گەزەرگىچە قوغلاپ بېرىپ، قىردى. داۋۇت يەنە ئىسرائىللارنىڭ سەرخىل لەشكەرلىرىنى يىغدى. ئۇلار جەمئىي 30 مىڭ چىقتى. داۋۇت خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئۇلارنى باشلاپ، يەھۇدىيەنىڭ بائالا شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ تەختى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى ئىككى كېرۇبنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، ئۇنىڭ نام-شەرىپى ئەھدە ساندۇقىدا ئىدى. ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كىچىكرەك بىر تاغ ئۈستىدىكى ئابىنادابنىڭ ئۆيىدىن كۆتۈرۈپ چىقىپ، يېڭى بىر ھارۋىنىڭ ئۈستىگە قويدى. ئابىنادابنىڭ ئوغۇللىرى ئۇززا ۋە ئاخىيو ھارۋىنى ھەيدەپ ماڭدى. ئاخىيو ھارۋىنىڭ ئالدىدا ماڭدى. داۋۇت ۋە پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا لىرا، چىلتار، داپ، ساپايى ۋە جاڭلارنى چېلىپ، ھاياجان بىلەن ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناۋاتاتتى. ئۇلار ناكوننىڭ خامىنىغا كەلگەندە كالا پۇتلىشىپ، خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى چۈشۈپ كېتەي دېگەندە، ئۇززا قولىنى ئۇزىتىپ، ئۇنى يۆلۈۋالدى. بىراق ئۇززانىڭ بۇ ھەرىكىتى _ ئەھدە ساندۇقىغا خالىغانچە تەگمەسلىك قائىدىسىگە خىلاپ بولغانلىقى ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ غەزىپى كېلىپ، ئەھدە ساندۇقىنىڭ يېنىدىلا ئۇنىڭ جېنىنى ئالدى. داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۇززانى جازالىغانلىقىغا خاپا بولۇپ، ئۇ يەرنى «پەرەس-ئۇززا» [مەنىسى «ئۇززانىڭ جازالىنىشى»] دەپ ئاتىدى. ئۇ يەر ھازىرغىچە شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە. شۇ كۈنى داۋۇت پەرۋەردىگاردىن قورقۇپ: «پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىغا قاراش ۋەزىپىسىنى قانداق قىلىپ ئۈستۈمگە ئالالايمەن؟» دەپ ئويلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئۆزى تۇرۇۋاتقان داۋۇت شەھىرىگە ئەكېلىشنى خالىماي، ئۇنى گاتلىق ئوبېد-ئىدومنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئوبېد-ئىدومنىڭ ئۆيىدە ئۈچ ئاي تۇردى، پەرۋەردىگار ئوبېد-ئىدومنىڭ پۈتۈن ئۇرۇق-جەمەتىگە بەخت ئاتا قىلدى. داۋۇت پادىشاھ «ئەھدە ساندۇقى سەۋەبىدىن پەرۋەردىگار ئوبېد-ئىدومنىڭ جەمەتىگە ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە بەخت ئاتا قىلىپتۇ» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئوبېد-ئىدومنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى خۇشال ھالدا داۋۇت شەھىرىگە يۆتكەپ كەلدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغانلار ئالتە قەدەم ماڭغاندىن كېيىن، داۋۇت بىر بۇقا ۋە بىر بوردالغان مال قۇربانلىق قىلدى. داۋۇت كەندىر رەختتىن تىكىلگەن روھانىيلىق تونىنى كىيىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ھاياجان بىلەن ئۇسسۇل ئوينىدى. داۋۇت ۋە پۈتۈن ئىسرائىللار بۇرغا چېلىپ، ئالقىش ياڭرىتىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يېرۇسالېمغا كۆتۈرۈپ ماڭدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى داۋۇت شەھىرىگە كىرگەن ۋاقىتتا، سائۇلنىڭ قىزى مىكال دېرىزىدىن داۋۇت پادىشاھنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا سەكرەپ ئۇسسۇل ئويناپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە ئۇنى مەنسىتمىدى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى، داۋۇت ئۇنىڭغا ئاتاپ تىكتۈرگەن چېدىرغا ئەكىرىپ قويدى. داۋۇت پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرى قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ خەلققە قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن بەخت تىلىدى. يەنە پۈتۈن خەلققە، ئەر-ئايال دېمەي، ھەربىر ئادەمگە بىردىن نان، خورما قېقى ۋە كىشمىش ئۈلەشتۈرۈپ بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن كۆپچىلىك ئۆز ئۆيلىرىگە قايتىشتى. داۋۇت ئۆز جەمەتىگە سالام بېرىش ئۈچۈن ئۆيىگە قايتتى. سائۇلنىڭ قىزى مىكال داۋۇتنى قارشى ئېلىشقا چىقىپ ئۇنىڭغا تەنە قىلىپ: _ پاھ، ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى بۈگۈن قالتىس شانۇشەۋكەتلىك بولۇپ كېتىپتىغۇ؟! ئەمەلدارلىرىنىڭ دېدەكلىرى ئالدىدا خۇددى پەسكەشلەردەك يېرىم يالىڭاچ بولۇپ، ئۆزلىرىنى كۆرسەتتىلىغۇ! _ دېدى. داۋۇت ئۇنىڭغا: _ ئۇسسۇل ئوينىغان بولسام، ئاتاڭنىڭ ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن جەمەتىنىڭ ئورنىغا مېنى تاللاپ، ئۆزىنىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىلنىڭ بېشى قىلىپ تەيىنلىگەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا شادلىنىپ ئوينىدىم. مەن قانچە ئابرۇيسىز قالساممۇ، سەن مېنى قانچىلىك كۆزگە ئىلمىساڭمۇ، مەن يەنىلا ئۇسسۇل ئويناۋېرىمەن. ۋاھالەنكى سەن تىلغا ئالغان ئاشۇ دېدەكلەر بولسا، مېنى ھۆرمەتلىشىدۇ، _ دېدى. سائۇلنىڭ قىزى مىكال ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە پەرزەنت يۈزى كۆرمىدى. ئۇ چاغلاردا پادىشاھ داۋۇت ئۆز ئوردىسىدا تۇراتتى. پەرۋەردىگار ئۇنى ئەتراپىدىكى دۈشمەنلىرىدىن ئامان ساقلىدى. بىر كۈنى پادىشاھ ناتان ئىسىملىك پەيغەمبەرگە: _ قاراڭ، مەن كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان ئوردىدا تۇرۇۋاتىمەن، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى بولسا چېدىردا تۇرۇۋاتىدۇ، _ دېدى. ناتان پەيغەمبەر ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگار سىزگە يار بولۇۋاتقاندىكىن، كۆڭلىڭىزدە قانداق ئويلىغان بولسىڭىز شۇنداق قىلىڭ، _ دېدى. لېكىن شۇ كۈنى كەچتە پەرۋەردىگاردىن ناتانغا ۋەھىي كەلدى: سەن بېرىپ، خىزمەتكارىم داۋۇتقا مۇنداق دېگىن: «سەن مېنىڭ تۇرۇشۇم ئۈچۈن بىر ئىبادەتخانا سالماقچىمۇ؟ مەن پەرۋەردىگار ئىسرائىل خەلقىنى مىسىردىن باشلاپ چىققان كۈندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر ئىبادەتخانىدا تۇرۇپ باقمىدىم، ئىزچىل چېدىردا تۇرۇپ، ھەممە يەرنى ئايلىنىپ يۈردۈم. مەن ئىسرائىل خەلقى بىلەن بىللە بولغان يەرلەردە خەلقىم ئىسرائىللارنى پادىچى بولۇپ باشلاپ ماڭسۇن دەپ، تەيىنلىگەن يېتەكچىلەرگە ‹نېمە ئۈچۈن ماڭا ئاتاپ كېدىر ياغىچىدىن ئوردا سالدۇرمىدىڭلار؟› دەپ باققانمۇ؟ مەنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، سېنى يايلاقتا قويلارنىڭ ئارقىسىدا يۈرگەن يېرىڭدىن تاللاپ، خەلقىم ئىسرائىللارغا باش بولۇشقا قويدۇم، قەيەرگىلا بارساڭ مەن ساڭا يار بولۇپ، ھەممە دۈشمىنىڭنى كۆز ئالدىڭدا يوقاتتىم. ئەمدى سېنىڭ نامىڭنى يەر يۈزىدىكى ئۇلۇغلارنىڭ نامىدەك ئۇلۇغ قىلىمەن. سېنىڭ كۈنلىرىڭ توشۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان چاغدا، ئۆز پۇشتۇڭدىن بولغان بىرسىنى ئورنۇڭغا قويىمەن، ھەمدە ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قىلىمەن. ماڭا ئاتالغان ئىبادەتخانىنى ئۇ سالدۇرىدۇ، مەن ئۇنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى مەڭگۈلۈك قىلىمەن. مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن، ئۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ، مۇبادا ئۇ گۇناھ ئۆتكۈزسە، ئاتا-ئانا بالىسىنى تەربىيە بېرىپ تۈزەتكەندەك، ئۇنى تۈزەيمەن. سېنى پادىشاھ بولسۇن دەپ، سائۇلنى مېھىر-مۇھەببىتىمدىن مەھرۇم قىلغانىدىم. لېكىن مېھىر-مۇھەببىتىمنى سېنىڭ پۇشتۇڭدىن ھېچقاچان يىراق تۇتمايمەن. سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ۋە پادىشاھلىقىڭ مېنىڭ ئالدىمدا مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. سېنىڭ پادىشاھلىق تەختىڭنى ئەبەدىي قىلىمەن.» ناتان پەيغەمبەر پەرۋەردىگاردىن ئۆزىگە كەلگەن ۋەھىيلەرنىڭ ھەممىسىنى داۋۇتقا يەتكۈزدى. شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت ئەھدە ساندۇقى قويۇلغان چېدىرغا كىرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئولتۇرۇپ مۇنداق دېدى: _ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار! ماڭا بۇ قەدەر شاپائەت قىلغۇدەك مەن كىم ئىدىم، ئائىلەم قانچىلىك ئىدى؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە، سەن ئىگەم پەرۋەردىگار مەن قۇلۇڭنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ۋەدە بەردىڭ. ئىگەم پەرۋەردىگار، سەن باشقا ئىنسانلارغىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلامسەن؟ ئاھ ئىگەم پەرۋەردىگار، سەن قۇلۇڭنى بىلىسەن، ساڭا دەيدىغان يەنە نېمە گېپىم بولسۇن؟ بەرگەن ۋەدەڭ ۋە ئۆز خاھىشىڭ بويىچە شۇنداق ئۇلۇغۋار ئىشلارنى قىلدىڭ ۋە بۇ ئىشلارنى قۇلۇڭغا ئايان قىلدىڭ. ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، نەقەدەر ئۇلۇغدۇرسەن، سېنىڭ تەڭدىشىڭ يوقتۇر. سەن بىردىنبىر ھەقىقىي خۇدادۇرسەن. بىز ساڭا ئوخشاش باشقا خۇدا ھەققىدە ھېچقاچان ئاڭلاپ باقمىغانىدۇق. يەر يۈزىدە ئىسرائىللاردەك يەنە بىر خەلق بارمۇ؟ قايسى بىر خەلقنى ئىسرائىللاردەك قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرۇپ ئۆز خەلقىڭ قىلدىڭ؟ ئىسرائىللار ئۈچۈن قىلغان ئۇلۇغ مۆجىزىلىرىڭ شان-شۆھرىتىڭنى نامايان قىلدى. ئۆز خەلقىڭنى مىسىردىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋالغان يات ئەللەرنى بۇتلىرى بىلەن قوشۇپ قوغلىۋەتتىڭ. ئى پەرۋەردىگار، سەن ئىسرائىللارنى مەڭگۈگە ئۆز خەلقىڭ قىلدىڭ ۋە ئۆزۈڭ ئۇلارنىڭ خۇداسى بولدۇڭ. ئى پەرۋەردىگار خۇدا، قۇلۇڭ ۋە قۇلۇڭنىڭ ئەۋلادلىرى توغرۇلۇق قىلغان سۆزلىرىڭدە مەڭگۈگە تۇرغايسەن، ۋەدىلىرىڭنى ئىشقا ئاشۇرغايسەن. شۇندا نامىڭ تائەبەدكە ئۇلۇغلىنىپ، ئىنسانلار: «ئىسرائىللارغا يېتەكچىلىك قىلغۇچى خۇدا، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىكەن» دەپ بىلىدۇ، قۇلۇڭ داۋۇتنىڭ خانىدانلىقى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە سېنىڭ ھۇزۇرۇڭدا مۇستەھكەم تۇرىدۇ. ئەي قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا! سەن قۇلۇڭ داۋۇتنىڭ جەمەتىگە بىر خانىدانلىق تىكلەپ بېرىدىغانلىقىڭنى ئايان قىلغانىدىڭ، شۇ سەۋەبتىن مەن ساڭا شۇنداق دەپ دۇئا قىلىشقا جۈرئەت قىلدىم. ئى ئىگەم پەرۋەردىگار! سەن خۇدادۇرسەن. سېنىڭ سۆزلىرىڭ ئىشەنچلىكتۇر. سەن ماڭا مۇشۇنداق ياخشى ئىشلارنى ۋەدە قىلدىڭ. ئەمدى مەن ساڭا شۇنداق ئىلتىجا قىلاي، مېنىڭ خانىدانلىقىمنىڭ ھۇزۇرۇڭدا مەڭگۈ تۇرۇشى ئۈچۈن بەخت ئاتا قىلغايسەن. ئى پەرۋەردىگار! سەن شۇنى ۋەدە قىلغانسەن، سەن ئاتا قىلغان بەخت بىلەن قۇلۇڭنىڭ خانىدانلىقى مەڭگۈ بەختكە سازاۋەر بولىدۇ. مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن داۋۇت فىلىستىيەلىكلەرگە يەنە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى بويسۇندۇردى. داۋۇت فىلىستىيەلىكلەرنىڭ يېرىنى تارتىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالدى. ئۇ موئابلارنىمۇ مەغلۇپ قىلدى. ئۇ ئۇلارنى يەرگە ئۈچ قاتار بولۇپ يېتىشقا بۇيرۇدى. ئاندىن ئىككى قاتاردىكىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، بىر قاتاردىكىلەرنى ساق قالدۇردى. شۇنداق قىلىپ تىرىك قالغان موئابلار داۋۇتقا ئەل بولۇپ، ئۇنىڭغا باج-سېلىق تۆلەيدىغان بولدى. زوباھ پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى رىخوبنىڭ ئوغلى ھادادئەزەر فىرات دەرياسى ئەتراپىدىكى زېمىنغا بولغان باشقۇرۇشىنى قايتۇرۇۋېلىشقا ئاتلىنىپ چىققاندا، داۋۇت ئۇنى مەغلۇپ قىلدى. داۋۇت ئۇنىڭدىن 1700 ئاتلىق لەشكەر، 20 مىڭ پىيادە لەشكەرنى ئەسىرگە ئالدى. يۈز ھارۋىنى تارتىشقا يەتكۈدەك ئاتنى قالدۇرغاندىن بۆلەك، قالغان ئاتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پېيىنى كەستۈرۈۋەتتى. دەمەشقتىكى سۈرىيەلىكلەر زوباھ پادىشاھى ھادادئەزەرگە ياردەم بېرىشكە كەلگەندە، داۋۇت سۈرىيەلىكلەردىن 22 مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى. شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت دەمەشقتىكى سۈرىيەلىكلەر رايونىغا ئۆزىنىڭ قوشۇنلىرىنى تۇرغۇزدى. شۇنداق قىلىپ سۈرىيەلىكلەر داۋۇتقا ئەل بولۇپ، ئۇنىڭغا باج-سېلىق تۆلەيدىغان بولدى. داۋۇت مەيلى نەگە ھۇجۇم قىلمىسۇن، پەرۋەردىگار ئۇنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈپ تۇردى. داۋۇت ھادادئەزەرنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئالتۇن قالقانلىرىنى ئولجا ئېلىپ يېرۇسالېمغا قايتتى. داۋۇت پادىشاھ يەنە ھادادئەزەرنىڭ بەتاخ ۋە بېروتاي دېگەن ئىككى شەھىرىدىنمۇ ناھايىتى نۇرغۇن تۇچ ئولجا ئالدى. خامات پادىشاھى توئۇ داۋۇتنىڭ ھادادئەزەرنىڭ پۈتۈن قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ ئوغلى يورامنى داۋۇت پادىشاھنىڭ ئالدىغا سالامغا ئەۋەتتى ۋە ئۇنىڭ ھادادئەزەر بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ئەمەلىيەتتە توئۇ ھادادئەزەر بىلەن دائىم ئۇرۇش قىلىپ كەلگەنىدى. يورام داۋۇت پادىشاھقا ئالتۇن، كۈمۈش ۋە تۇچتىن ياسالغان نەرسىلەرنى ئالغاچ باردى. داۋۇت تۇز جىلغىسىدا ئىدوملۇقلاردىن 18 مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قايتقاندىن كېيىن، ناھايىتى داڭ چىقاردى. ئۇ يەنە ئىدومنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئۆز قوشۇنلىرىنى تۇرغۇزدى. ئىدوملۇقلارنىڭ ھەممىسى داۋۇتقا ئەل بولدى، داۋۇت قەيەرگە بېرىپ جەڭ قىلمىسۇن، ھەممە يەردە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا غەلىبە-نۇسرەت ئاتا قىلدى. داۋۇت ئەمدى پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلدى، ئۇ خەلقنى ئادىللىق ۋە ھەققانىيەت بىلەن باشقۇردى. مەزلۇم زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب قوشۇنغا باش سەركەردە، ئاخىلۇدنىڭ ئوغلى يىھوشافات تەزكىرىچى، ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى زادوق بىلەن ئەبىياتارنىڭ ئوغلى ئاخىمەلەك روھانىي ، سىرايا پۈتۈكچى، يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا كىرېتلەر بىلەن پىلېتلەردىن تەركىب تاپقان ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى، داۋۇتنىڭ ئوغۇللىرى روھانىي ئىدى. بىر كۈنى داۋۇت: _ سائۇل جەمەتىدىن ھايات قالغانلاردىن بىرەر كىشى بارمۇ؟ _ دەپ سورىدى، _ ئەگەر بولسا مەن يوناتاننىڭ ھەق ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۇ كىشىگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەي. سائۇلنىڭ جەمەتىگە ئىشلەيدىغان زىبا ئىسىملىك بىر خىزمەتكار بار ئىدى، ئۇنى داۋۇتنىڭ يېنىغا چاقىرتىپ كېلىشتى. _ سەن زىبا بولامسەن؟ _ دەپ سورىدى داۋۇت پادىشاھ ئۇنىڭدىن. _ ھەئە ئالىيلىرى، مەن بولىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ. _ سائۇل جەمەتىدىن ھازىرغىچە بىرەر ئادەم قالغانمۇ؟ مەن ئۇنىڭغا خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى كۆرسىتەي، _ دېدى پادىشاھ يەنە. _ يوناتاننىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرى ھايات بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككىلا پۇتى توكۇردۇر، _ دەپ جاۋاب بەردى زىبا. _ ئۇ نەدە؟ _ سورىدى پادىشاھ. _ ئۇ لودىباردىكى ئاممىئېلنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئۆيىدە تۇرىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى زىبا. شۇنىڭدىن كېيىن، داۋۇت پادىشاھ لودىباردىكى ئاممىئېلنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئۆيىدىن ئۇنى ئېلىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى. سائۇلنىڭ نەۋرىسى، يەنى يوناتاننىڭ ئوغلى مىفىبوشەت داۋۇتنىڭ ئالدىغا كېلىپ، يەرگە باش قويۇپ، تەزىم قىلدى. _ مىفىبوشەت! _ دېدى داۋۇت. _ لەببەي، _ دېدى ئۇ. _ قورقما، مەن ئاتاڭ يوناتاننىڭ ھەق ھۆرمىتى ئۈچۈن ساڭا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، بۇرۇن بوۋاڭ سائۇلغا تەۋە بولغان يەر-زېمىننىڭ ھەممىسىنى ساڭا بېرىمەن. بۇنىڭدىن باشقا، سەن دائىم داستىخىنىمدا مەن بىلەن بىللە غىزالىنىسەن، _ دېدى داۋۇت پادىشاھ ئۇنىڭغا. _ پېقىر ئۆلۈك ئىتتەك قەدىرسىز بىر ئادەممەن، ئۆزلىرىنىڭ بۇنچىۋالا ياخشىلىق قىلىشلىرىغا ئەرزىمەيمەن، _ دېدى مىفىبوشەت يەنە بىر مەرتەم تەزىم قىلىپ. داۋۇت پادىشاھ سائۇل ئۈچۈن ئىشلىگەن خىزمەتكار زىبانى چاقىرتىپ كېلىپ ئۇنىڭغا: _ مەن سائۇل ۋە ئۇنىڭ جەمەتىگە نېمە تېگىشلىك بولسا، ھەممىسىنى خوجايىنىڭنىڭ نەۋرىسىگە بەردىم. سەن، ئوغۇللىرىڭ شۇنداقلا خىزمەتكارلىرىڭنىڭ ھەممىسى خوجايىنىڭنىڭ جەمەتى ئۈچۈن يەرلىرىنى تېرىپ، ئالغان ھوسۇلنى ئۇلارنىڭ يەپ-ئىچىشىگە بەرگىن. خوجايىنىڭنىڭ نەۋرىسى مىفىبوشەت بولسا دائىم مەن بىلەن بىر داستىخاندا بولىدۇ، _ دېدى. (زىبانىڭ 15 ئوغلى، 20 خىزمەتكارى بار ئىدى.) زىبا پادىشاھقا: _ پېقىر پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ ئەمر قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بەجا كەلتۈرىدۇ، _ دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن مىفىبوشەت خۇددى پادىشاھنىڭ ئوغلىدەك پادىشاھ بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ غىزالىنىدىغان بولدى. مىفىبوشەتنىڭ مىكا ئىسىملىك بىر كىچىك ئوغلى بار ئىدى. زىبانىڭ ئۆيىدە تۇرىدىغانلارنىڭ ھەممىسى مىفىبوشەتنىڭ خىزمەتكارلىرى بولدى. ئىككىلا پۇتى توكۇر بولغان مىفىبوشەت ئەمدى يېرۇسالېمدا ياشاپ قالدى ۋە دائىم پادىشاھ بىلەن بىر داستىخاندا غىزالىنىپ تۇردى. ئارىدىن بىرقانچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئاممونلارنىڭ پادىشاھى ناخاش ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ پادىشاھلىق ئورنىغا ئوغلى خانۇن چىقتى. داۋۇت: «خانۇننىڭ ئاتىسى ناخاش ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، مەن ئۇنىڭ ئوغلى خانۇنغا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىمەن» دەپ ئويلىدى. داۋۇت ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىش ئۈچۈن ئەلچىلىرىنى ئەۋەتتى. ئەلچىلەر ئاممونلارنىڭ زېمىنىغا كىرگەندە، ئاممونلارنىڭ ئەمەلدارلىرى خوجىسى خانۇنغا: _ داۋۇت بۇ يەرگە ھال سورىغىلى ئادەم ئەۋەتىپتۇ. سىلىچە ئۇ ئاتىلىرىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىۋاتقانمىدۇ؟ ئۇنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ بۇ يەرگە كېلىشتىكى مەقسىتى بۇ شەھەرنى تەكشۈرۈپ، پايلاپ چىقىپ، ئاندىن كېيىن شەھەرنى ئىشغال قىلىش، دەپ ئويلىماملا؟ _ دېيىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن خانۇن داۋۇتنىڭ ئەلچىلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنىڭ بىر تەرىپىدىكى ساقال-بۇرۇتلىرىنى چۈشۈرۈۋەتتى. يەنە ئۇلارنىڭ تونلىرىنىڭ ئاستى تەرىپىدىن يانپاشلىرىغىچە بولغان قىسمىنى كېسىۋېتىپ، ئاندىن ئۇلارنى قوغلىۋەتتى. داۋۇت ئەلچىلەرنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇلارنى كۈتۈۋېلىشقا ئالدىغا ئادەم ئەۋەتتى. ئەلچىلەر تولىمۇ ئىزا-ئاھانەتتە قالغانىدى. پادىشاھ ئەلچىلىرىگە: «سىلەر ئېرىخا شەھىرىدە تۇرۇپ، ساقال-بۇرۇتۇڭلار ئۆسكەندىن كېيىن قايتىپ كېلىڭلار» دەپ سۆز ئەۋەتتى. ئاممونلار ئۆزلىرىنىڭ داۋۇتنى رەنجىتىپ قويغانلىقىنى بىلىپ، بەيت-رىخوب ۋە زوباھتىكى سۈرىيەلىكلەردىن 20 مىڭ پىيادە لەشكەر، مائاكا پادىشاھىدىن بىر مىڭ لەشكەر، توبلۇقلاردىن 12 مىڭ لەشكەر ياللاپ ئالدى. داۋۇت بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پۈتۈن قوشۇنىنى يوئابنىڭ باشچىلىقىدا ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا چىقاردى. ئاممونلار پايتەخت رابباھ شەھىرىدىن چىقىپ، شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا سەپ تۈزۈپ تۇردى، زوباھ ۋە رىخوبتىكى سۈرىيەلىكلەر، توبلۇقلار ۋە مائاكانىڭ ئادەملىرى بولسا دالادا ئايرىم بىر قوشۇن بولۇپ تۇردى. يوئاب ئۆزىنىڭ ئالدى-كەينىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ بىر قىسىم خىل لەشكەرلىرىنى تاللاپ، ئۇلارنى سۈرىيەلىكلەرگە قارشى سەپكە تۇرغۇزدى. قالغان ئادەملىرىنى بولسا ئاكىسى ئابىشاينىڭ باشقۇرۇشىغا قويدى. ئابىشاي ئۇلارنى ئاممونلارغا قارشى جەڭگە تەييار قىلدى. يوئاب ئابىشايغا: _ مۇبادا سۈرىيەلىكلەر مەندىن كۈچلۈك چىقسا، سەن ماڭا ياردەمگە كەل. مۇبادا ئاممونلار سەندىن كۈچلۈك چىقسا، مەن ساڭا ياردەمگە باراي. جاسارەتلىك بول، خەلقىمىز ۋە خۇدايىمىزنىڭ شەھەرلىرى ئۈچۈن جان تىكىپ ئۇرۇش قىلايلى! پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئەمەلگە ئاشقاي، _ دېدى. يوئاب ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئىلگىرىلەپ بېرىپ، سۈرىيەلىكلەرگە ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييار بولدى؛ سۈرىيەلىكلەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا قاچتى. سۈرىيەلىكلەرنىڭ قاچقانلىقىنى كۆرگەن ئاممونلارمۇ ئابىشايدىن قېچىپ، شەھەرگە قايتىپ كىرىۋالدى. شۇنىڭدىن كېيىن يوئاب ئاممونلار بىلەن جەڭ قىلماي، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى. ئىسرائىللاردىن يېڭىلگەنلىكىنى بىلگەن سۈرىيەلىكلەر يەنە قوشۇنلىرىنى يىغىشتى. پادىشاھ ھادادئەزەر فىرات دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى سۈرىيەلىكلەرگە ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇلارنى يۆتكەپ كەلدى. ئۇلار ھادادئەزەر قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى شوباكنىڭ رەھبەرلىكىدە خېلام شەھىرىگە ئۇرۇشقا كەلدى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان داۋۇت ئىسرائىلىيەدىكى لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ، ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، خېلامغا كەلدى. ئۇ يەردە سۈرىيەلىكلەر سەپ تۈزۈپ داۋۇتقا قارشى جەڭگە ئاتلاندى، ۋاھالەنكى، سۈرىيەلىكلەر ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن يەنە قاچتى. داۋۇت سۈرىيەلىكلەرنىڭ جەڭ ھارۋىسى ھەيدەيدىغان 7 يۈز لەشكىرىنى ۋە 40 مىڭ ئاتلىق لەشكىرىنى ئۆلتۈردى. داۋۇت يەنە سۈرىيەلىكلەرنىڭ قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى شوباكنى يارىلاندۇردى. ئۇ شۇ يەردە ئۆلدى. ھادادئەزەرگە تەۋە پادىشاھلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ ئىسرائىللاردىن مەغلۇپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلار بىلەن سۈلھى تۈزۈشۈپ، ئىسرائىللارغا ئەل بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن سۈرىيەلىكلەر ئاممونلارغا ياردەم بېرىشتىن قورقۇپ قالدى. ئەتىياز كېلىپ، پادىشاھلار جەڭگە چىقىدىغان چاغ بولدى. داۋۇت پۈتۈن ئىسرائىلىيە قوشۇنىنى يوئاب بىلەن لەشكەر باشلىرىنىڭ باشچىلىقىدا جەڭگە ئاتلاندۇردى. ئۇلار ئاممونلارنى يەڭدى ۋە رابباھنى قورشاۋغا ئېلىۋالدى. داۋۇت ئۆزى بولسا يېرۇسالېمدا قالدى. بىر كۈنى كەچقۇرۇن داۋۇت ئورنىدىن تۇرۇپ، ئوردىنىڭ ئۆگزىسىدە ئۇيان-بۇيان مېڭىپ يۈرگىنىدە، ناھايىتى چىرايلىق بىر ئايالنىڭ يۇيۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى. داۋۇت ئۇ ئايالنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى. ئۇ ئادەم قايتىپ كېلىپ: _ ئۇ ئەلىئامنىڭ قىزى، خىت خەلقىدىن بولغان ئۇرىيانىڭ خوتۇنى باتشەبا ئىكەن، _ دېدى. داۋۇت ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇ ئايالنى ئەكەلدۈردى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولدى. (بۇ چاغدا ئۇ ئايال ھەيز كۆرۈپ يېڭىدىن ساقايغان بولۇپ، ئەمدىلا تازىلىنىپ بولغانىدى). كېيىن ئۇ ئايال ئۆيىگە قايتىپ كەتتى. ئايال ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ، بۇ ھەقتە داۋۇتقا خەۋەر ئەۋەتتى. داۋۇت يوئابقا ئادەم ئەۋەتىپ: «سەن خىت خەلقىدىن بولغان ئۇرىيانى مېنىڭ يېنىمغا ئەۋەتكىن» دېدى. يوئاب ئۇرىيانى داۋۇتنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى. ئۇرىيا كەلگەندىن كېيىن، داۋۇت ئۇنىڭدىن يوئاب ۋە لەشكەرلەرنىڭ شۇنداقلا جەڭ مەيدانىنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى. ئاندىن داۋۇت ئۇنىڭغا: _ ئۆيۈڭگە قايتىپ، دەم ئالغىن! _ دېدى. ئۇرىيا ئوردىدىن كەتكەندىن كېيىن، داۋۇت پادىشاھ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن سوۋغاتلارنى ئەۋەتتى. ئۇرىيا بولسا ئۆزىنىڭ ئۆيىگە قايتماي، پادىشاھنىڭ خىزمەتكارلىرى بىلەن بىللە ئوردا دەرۋازىسىنىڭ يېنىدا قونۇپ قالدى. «ئۇرىيا ئۆيىگە قايتماپتۇ» دېگەن خەۋەر داۋۇتقا يەتكەندە، ئۇ ئۇرىيانى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن: _ سەن سەپەردىن كېلىپ تۇرۇپ، نېمىشقا ئۆز ئۆيۈڭگە بارمىدىڭ؟ _ دەپ سورىدى. ئۇرىيا جاۋاب بېرىپ: _ ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە لەشكەرلىرى چېدىرلاردا تۇرۇۋاتىدۇ، ئەھدە ساندۇقىمۇ ئۇلارنىڭ يېنىدا. خوجام يوئاب ۋە ئۇنىڭ سەركەردىلىرى دالادا يېتىۋاتسا، مەن قانداقمۇ ئۆيگە قايتىپ يەپ-ئىچىپ، خوتۇنۇم بىلەن بىللە ياتاي؟ مەن سىلىنىڭ ناملىرى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ھەرگىز ئۇنداق ئىشنى قىلمايمەن، _ دېدى. _ بۈگۈنمۇ مۇشۇ يەردە قال. مەن سېنى ئەتە ئۇرۇش مەيدانىغا يولغا سېلىپ قويىمەن، _ دېدى داۋۇت ئۇرىياغا. ئۇرىيا شۇ كۈنى يېرۇسالېمدا قالدى. ئەتىسى داۋۇت ئۇرىيانى ئۆزى بىلەن غىزالىنىشقا چاقىرتىپ، ئۇنى مەست قىلىپ قويدى. ۋاھالەنكى، كەچ بولغاندا ئۇرىيا ئۆز ئۆيىگە بېرىپ ياتماي، يەنىلا پادىشاھنىڭ خىزمەتكارلىرى ياتىدىغان جايدا ياتتى. ئەتىسى ئەتىگەندە داۋۇت يوئابقا بىر پارچە خەت يېزىپ، ئۇنى ئۇرىيا ئارقىلىق ئەۋەتتى. ئۇ خېتىدە: «ئۇرىيانى ئەڭ شىددەتلىك جەڭ بولىدىغان ئالدىنقى سەپكە ئەۋەت، ئۇنىڭ جەڭدە ئۆلۈپ كېتىشى ئۈچۈن، ئۇنى يالغۇز تاشلاپ، كەينىڭلارغا چېكىنىڭلار» دەپ يازغانىدى. يوئاب ئۇ چاغدا رابباھ شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋاتاتتى. دۈشمەنلەر قەيەردە ئەڭ كۈچلۈك بولسا، ئۇ ئۇرىيانى شۇ يەرگە ئەۋەتتى. دۈشمەن لەشكەرلىرى شەھەردىن چىقىپ، يوئابنىڭ قوشۇنى بىلەن ئېلىشقاندا، داۋۇتنىڭ لەشكەرلىرىنىڭ بەزىلىرى يىقىلدى. خىت خەلقىدىن بولغان ئۇرىيامۇ ئۆلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، يوئاب داۋۇتقا خەۋەرچى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا جەڭ ئەھۋالىدىن مەلۇمات بەردى. يوئاب خەۋەرچىگە: _ سەن پادىشاھقا پۈتۈن جەڭ ئەھۋالىنى تولۇق يەتكۈزگىن. ئەگەر پادىشاھ ئاڭلاپ قاتتىق خاپا بولۇپ، سېنى: «سىلەر نېمىشقا شەھەرگە شۇنچە يېقىن بېرىپ جەڭ قىلدىڭلار، دۈشمەننىڭ سېپىلدىن ئوق ئاتىدىغانلىقىنى بىلمەمتىڭلار؟ گىدئوننىڭ ئوغلى ئابىمەلەكنى كىمنىڭ ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلمەمسىلەر، ئۇنى تىبېزدا بىر ئايال سېپىلدىن يارغۇنچاقنىڭ تېشىنى تاشلاپ ئۆلتۈرمىگەنمىدى ؟ شۇنداق ئىكەن سىلەر سېپىلغا نېمىشقا شۇنچە يېقىن باردىڭلار؟» دەپ ئەيىبلەپ كەتسە، سەن ئۇنىڭغا: «پادىشاھنىڭ خىزمەتكارى ئۇرىيامۇ ئۆلدى» دەپ جاۋاب بەرگىن، _ دېدى. خەۋەرچى داۋۇت پادىشاھنىڭ يېنىغا باردى ۋە يوئاب تاپىلىغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا ئېيتتى. خەۋەرچى داۋۇت پادىشاھقا: _ دۈشمىنىمىز بىزدىن كۈچلۈك كەلدى. ئۇلار شەھەردىن چىقىپ، دالادا بىز بىلەن جەڭ قىلدى. بىراق بىز ئۇلارنى شەھەر دەرۋازىسىغىچە قوغلاپ باردۇق. شۇ پەيتتە دۈشمەننىڭ ئوقياچىلىرى سېپىلدا تۇرۇپ، پادىشاھى ئالەمنىڭ لەشكەرلىرىنى ئوقياغا تۇتۇشتى. سىلىنىڭ لەشكەرلىرىدىن بەزىلىرى ئۆلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە خىت خەلقىدىن بولغان خىزمەتكارلىرى ئۇرىيامۇ بار، _ دېدى. داۋۇت خەۋەرچىگە: _ سەن بېرىپ يوئابنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇنىڭغا: «بۇ ئىش سەۋەبىدىن كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما، جەڭ قۇربانسىز بولمايدۇ. ئەمدى شەھەرگە بولغان ھۇجۇمنى كۈچەيتىپ، شەھەرنى ئىشغال قىل» دېگىن، _ دېدى. ئۇرىيانىڭ ئايالى ئېرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ھازا تۇتتى. ھازا مۇددىتى توشۇشى بىلەن داۋۇت ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى ئوردىغا ئەكەلدۈرۈۋالدى. ئۇ داۋۇتقا خوتۇن بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. لېكىن داۋۇتنىڭ بۇ قىلغانلىرى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىللىك ئىدى. پەرۋەردىگار ناتان پەيغەمبەرنى داۋۇتنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى. ئۇ كېلىپ، داۋۇتقا مۇنداق دېدى: _ بىر شەھەردە ئىككى ئادەم بار بولۇپ، بىرسى باي، بىرسى كەمبەغەل ئىكەن. باينىڭ ناھايىتى كۆپ چارۋا-ماللىرى بار ئىكەن، كەمبەغەلنىڭ بولسا سېتىۋېلىپ بېقىۋاتقان كىچىككىنە بىر چىشى قوزىسىدىن باشقا ھېچنېمىسى يوق ئىكەن. ئۇ قوزا كەمبەغەلنىڭ ئۆيىدە ئۇنىڭ بالىلىرى بىلەن بىللە چوڭ بولۇشقا باشلاپتۇ. قوزا ئۇنىڭ تامىقىدىن يەپ، قاچىسىدىن سۈت ئىچىپ، قوينىدا ئۇخلايدىكەن. قىسقىسى قوزا ئۇ ئادەمنىڭ قىزىدەكلا بولۇپ كېتىپتۇ. بىر كۈنى باينىڭ ئۆيىگە بىر يولۇچى چۈشۈپتۇ. باي مېھمانغا تائام ھازىرلاش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ماللىرىدىن بىرەرنى سويۇشقا كۆزى قىيماي، ھېلىقى كەمبەغەلنىڭ پاقلىنىنى ئەكەلدۈرۈپ، ئۇنى سويۇپتۇ-دە، يولۇچىنى مېھمان قىلىپتۇ. داۋۇت بۇنى ئاڭلاپ بايغا قاتتىق غەزەپلىنىپ، ناتانغا: _ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، بۇنداق ئىشنى قىلغان ئادەم ئۆلۈمگە مەھكۇمدۇر. ئۇ باغرى تاشلىق قىلىپ، بۇنداق ئىشنى قىلغانلىقى ئۈچۈن كەمبەغەلگە تۆت پاقلان تۆلىشى كېرەك، _ دېدى. _ ئۇ ئادەم دەل سەن! _ دېدى ناتان داۋۇتقا، _ پەرۋەردىگار، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ساڭا دەيدۇكى: «مەن سېنى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇشقا تاللاپ، سائۇلنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقتىم. ئۇنىڭ ئوردىسىنى ساڭا ئاتا قىلىپ، خوتۇنلىرىنى قۇچىقىڭغا سېلىپ بەردىم. ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە پادىشاھلىقلىرىنىمۇ ساڭا بەردىم. بۇلارنى ئاز كۆرگەن بولساڭ، بۇنىڭدىنمۇ كۆپرەكىنى بېرەر ئىدىم. سەن نېمىشقا مېنى كۆزگە ئىلماي، رەزىل ئىشلارنى قىلدىڭ؟ خىت خەلقىدىن بولغان ئۇرىيانىڭ جېنىنى ئۇرۇشتا ئاممونلارنىڭ قولى بىلەن ئالدىڭ. ئۇنىڭ ئايالىنى تارتىۋېلىپ، ئۆزۈڭگە خوتۇن قىلىۋالدىڭ! مېنى كۆزۈڭگە ئىلماي، ئۇرىيانىڭ ئايالىنى ئۆزۈڭگە خوتۇن قىلىۋالغانلىقىڭ ئۈچۈن، بۇنىڭدىن كېيىن قىلىچ ئەۋلادلىرىڭغا دائىم خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ.» پەرۋەردىگار يەنە شۇنداق دەيدۇكى: «قارا! مەن ئۆزۈڭنىڭ ئەۋلادلىرىڭدىن ئۆزۈڭگە يامانلىق كەلتۈرىمەن؛ كۆز ئالدىڭدىلا خوتۇنلىرىڭنى باشقا بىرسىگە بېرىۋېتىمەن. ئۇ كۈپكۈندۈزدە خوتۇنلىرىڭنىڭ قوينىغا كىرىدۇ. سەن ئۇ ئىشنى يوشۇرۇنچە قىلغان بولساڭ، مەن بۇنى بارلىق ئىسرائىل خەلقى ئالدىدا كۈپكۈندۈزدە قىلغۇزىمەن.» داۋۇت بۇ گەپنى ئاڭلاپ ناتانغا: _ مەن پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ قىلدىم، _ دېدى. _ پەرۋەردىگار گۇناھىڭنى كەچۈردى. سەن ئۆلمەيسەن، _ دېدى ناتان، _ ئەمما سەن بۇ ئىشنى قىلىپ، پەرۋەردىگارنى مەنسىتمىگەنلىكىڭ ئۈچۈن، يېڭى تۇغۇلغان ئوغلۇڭ ئۆلۈپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ناتان ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەتتى. پەرۋەردىگار ئۇرىيانىڭ خوتۇنى داۋۇتقا تۇغۇپ بەرگەن بالىنى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار قىلدى. داۋۇت ئوغلى ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا يالۋۇردى. ئۇ روزا تۇتتى، كېچىلىرى ئۆيىگە كىرىپ، يەردىلا ياتتى. ئوردا ئاقساقاللىرى ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئۇنى يەردىن تۇرغۇزماقچى بولسىمۇ، داۋۇت ئورنىدىن تۇرمىدى. ئۇلار بىلەن بىللە غىزا يېگىلىمۇ ئۇنىمىدى. يەتتىنچى كۈنى بالا قازا قىلدى. داۋۇتنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا بالىسىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئېيتىشقا پېتىنالمىدى. ئۇلار: «بىز بالا ھايات چېغىدا ئۇنىڭغا شۇنچە نەسىھەت قىلىپمۇ ئۇنى گەپكە كىرگۈزەلمىگەن تۇرساق، ئەمدى ئۇنىڭغا بالىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى قانداقمۇ ئېيتالايمىز؟ ئۇ ئۆزىگە بىرەر يامان ئىش قىلىپ قويارمىكىن» دەپ ئەنسىرەشتى. داۋۇت ئەمەلدارلىرىنىڭ بىر-بىرىگە پىچىرلىشىپ يۈرگەنلىكىدىن بالىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئەمەلدارلىرىدىن: _ بالا قازا قىلدىمۇ؟ _ دەپ سورىدى. ئۇلار: _ ھەئە! _ دەپ جاۋاب بېرىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت ئورنىدىن تۇرۇپ، يۇيۇنۇپ، خۇش پۇراق ئەتىرلەرنى چېچىپ، كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتگاھىغا كىرىپ ئىبادەت قىلدى. ئاندىن ئۇ ئۆز ئوردىسىغا قايتىپ كېلىپ، غىزا كەلتۈرگۈزۈپ يېدى. شۇ چاغدا ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭدىن: _ بالا ھايات چېغىدا روزا تۇتۇپ، يىغلىدىلا. بالا ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن بولسا ئەكسىچە غىزا يېدىلا، بۇ قانداق قىلغانلىرى؟ _ دەپ سورىدى. داۋۇت ئۇلارغا: _ بالا ھايات چېغىدا روزا تۇتۇپ يىغلىشىم؛ پەرۋەردىگار ماڭا شەپقەت قىلىپ، بالىنى ھايات قالدۇرارمىكىن، دېگەن ئويدا بولغانلىقىمدىن ئىدى. ئەمدى ئۇ ئۆلۈپ كەتتى، يەنە نېمىشقا روزا تۇتىدىكەنمەن؟ ئۇنى تىرىلدۈرۈۋالالايتتىممۇ؟ مەن ھامان بىر كۈنى ئۇنىڭ يېنىغا بارىمەن، لېكىن ئۇ مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كېلەلمەيدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى. ئاندىن كېيىن داۋۇت ئايالى باتشەباغا تەسەللى بەردى ۋە ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتتى. باتشەبا ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. بالىغا «سۇلايمان» دەپ ئات قويۇلدى. پەرۋەردىگار بالىنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، ناتان پەيغەمبەرنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا يىدىدىيا [مەنىسى «پەرۋەردىگار ياخشى كۆرۈپ سۆيدى»] دەپ ئات قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يوئاب ئاممونلارنىڭ پايتەختى رابباھقا بولغان ھۇجۇمىنى داۋام قىلىۋەردى. نەتىجىدە شەھەرنىڭ پادىشاھ ئوردىسى جايلاشقان قەلئەسىنى بېسىۋالدى. كېيىن ئۇ داۋۇتقا چاپارمەنلەرنى ئەۋەتىپ: _ مەن رابباھ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، شەھەرنىڭ ئاساسلىق سۇ مەنبەسىنى ئالدىم. ئەمدى قالغان ئادەملەرنى ئۆزىڭىز باشلاپ كېلىپ، شەھەرنى قورشاپ بېسىۋېلىڭ. شەھەرنى مەن ئالغان بولۇپ قالماي، بولمىسا خەلق «شەھەرنى يوئاب ئالغان» دەپ يۈرۈشىدۇ، _ دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن، داۋۇت قالغان قوشۇننى يىغىپ رابباھقا يۈرۈش قىلىپ، شەھەرنى ھۇجۇم بىلەن ئالدى. داۋۇت ئاممونلارنىڭ پادىشاھىنىڭ بېشىدىكى ئالتۇن تاجنى ئالدى. ئېغىرلىقى 35 كىلو كېلىدىغان، ئۈستى ياقۇت بىلەن بېزەلگەن بۇ ئالتۇن تاج داۋۇتنىڭ بېشىغا كىيدۈرۈلدى. داۋۇت شەھەردىن نۇرغۇن ئولجىلارنى ئالدى. ئۇ يەنە شەھەر ئاھالىسىنى ھەرە، كەتمەن، پالتا بىلەن قىلىنىدىغان ئىشلارغا ۋە خۇمداندا خىش پىشۇرۇشقا سالدى. داۋۇت ئاممونلارنىڭ باشقا شەھەر ئاھالىلىرىگىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلدى. ئاندىن داۋۇت پۈتۈن قوشۇنىنى باشلاپ، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن مۇنداق بىر ئىش يۈز بەردى: داۋۇتنىڭ تامار ئىسىملىك ناھايىتى چىرايلىق بىر قىزى بولۇپ، ئۇ ئابسالومنىڭ سىڭلىسى ئىدى. تامار داۋۇتنىڭ باشقا بىر ئوغلى ئامنوننىڭ ئاتا بىر ئانا باشقا سىڭلىسى ئىدى. ئامنون تامارغا كۆيۈپ قالدى ھەمدە كۆيۈك دەردىدە ئاغرىپ قالدى. تامار تېخى قىز بولغاچقا، ئامنوننىڭ ئۇنىڭغا چېقىلىشقا كۆزى يەتمىدى. ئامنوننىڭ يوناداب ئىسىملىك بىر ئاغىنىسى بار بولۇپ، ئۇ داۋۇتنىڭ ئاكىسى شامماھنىڭ ئوغلى ئىدى. يوناداب ئىنتايىن قۇۋ ئادەم ئىدى. ئۇ ئامنوندىن: _ شاھزادە، نېمىشقا كۈندىن-كۈنگە چۈشكۈنلىشىپ كېتىسىز؟ ماڭا ئېيتىپ بېرەمسىز، _ دەپ سورىدى. _ مەن ئۆگەي ئىنىم ئابسالومنىڭ سىڭلىسى تامارغا كۆيۈپ قالدىم، _ دېدى ئۇ. _ ئۇنداق بولسا سىز كارىۋاتقا چىقىپ يالغاندىن كېسەل بولۇپ يېتىۋېلىڭ، ئاتىڭىز يوقلاپ كەلگەندە، ئۇنىڭغا: «سىڭلىم تامار كېلىپ ماڭا يېگىلى بىر نەرسە بەرسۇن، كۆز ئالدىمدا تاماق ئەتسۇن، ئەتكەن تامىقىنى قولىدىن ئېلىپ يەي» دەڭ، _ دېدى يوناداب. شۇنداق قىلىپ ئامنون يالغاندىن كېسەل بولۇپ يېتىۋالدى. پادىشاھ يوقلاپ كەلگەندە، ئامنون: _ سىڭلىم تامارنى چاقىرتىپ، كۆز ئالدىمدا ماڭا نان پىشۇرغۇزۇپ بەرگەن بولسىڭىز، ئۇنىڭ ئۆز قولىدىن ئېلىپ يېگەن بولسام، _ دېدى. داۋۇت ئوردىغا چاپارمەن ئەۋەتىپ تامارغا: «ئاكىڭىز ئامنوننىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭغا غىزا ئېتىپ بېرىڭ» دېدى. شۇنىڭ بىلەن تامار ئاكىسى ئامنوننىڭ ئۆيىگە باردى. ئۇ چاغدا ئامنون ئورۇن تۇتۇپ ياتقانىدى. تامار ئازراق ئۇندا خېمىر يۇغۇرۇپ، ئامنوننىڭ كۆز ئالدىدا تاۋىدا نان پىشۇرۇپ بەردى. ئۇ تاۋىنى ئېلىپ كېلىپ، ناننى ئامنوننىڭ ئالدىغا قويغانىدى، ئامنون ناننى يېگىلى ئۇنىماي: «ھەممىڭلار بۇ يەردىن چىقىپ كېتىڭلار!» دېدى. ھەممەيلەن ئۇنىڭ يېنىدىن چىقىپ كېتىشتى. ئاندىن ئامنون تامارغا: _ ناننى ھۇجرامغا ئەكىر، ئۆز قولۇڭدىن ئېلىپ يەي، _ دېدى. تامار پىشۇرغان نانلارنى ئېلىپ، ئاكىسى ئامنوننىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ، ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. تامار ناننى ئۇنىڭغا سۇنغاندا، ئامنون ئۇنى ئۆزىگە تارتىپ: _ سىڭلىم، كەل، مەن بىلەن ياتقىن! _ دېدى. _ ياق، ئاكا، مېنى زورلىماڭ! ئىسرائىللار ئىچىدە بۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ. بۇنداق سەت ئىشنى قىلماڭ. بۇ رەسۋاچىلىقنى مەن قانداق كۆتۈرۈپ يۈرەي؟ سىزمۇ ئىسرائىللار ئىچىدە ئۇياتقا قالغان بىر ئەخمەققە ئايلىنىپ قالىسىز. ئۆتۈنەي، پادىشاھقا ئېيتسىڭىز، ئۇ مېنىڭ سىزگە ياتلىق بولۇشۇمغا قارشى چىقمايدۇ، _ دېدى. لېكىن ئامنون ئۇنىڭ گېپىگە قۇلاق سالمىدى. ئۇ تاماردىن كۈچلۈك بولغاچقا، ئۇنىڭغا زورلۇق قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئامنون تامارغا بەك ئۆچ بولۇپ كەتتى. ئۆچلۈكى ئۇنىڭ ئىلگىرى تامارغا بولغان مۇھەببىتىدىنمۇ كۈچلۈك بولدى. ئامنون تامارغا: _ قوپ، بۇ يەردىن يوقال! _ دېدى. _ ياق! مېنى قوغلىغان بۇ گۇناھىڭىز ھېلى مېنى ئاياغ ئاستى قىلغان گۇناھىڭىزدىنمۇ ئېغىردۇر، _ دېدى تامار. لېكىن ئامنون ئۇنىڭ گېپىگە قۇلاق سالماي، ئەكسىچە شەخسىي خىزمەتكارىنى چاقىرىپ: _ بۇ خوتۇننى ھەيدەپ چىقىرىپ، ئىشىكنى قۇلۇپلاپ قوي! _ دېدى. ئامنوننىڭ خىزمەتكارى تامارنى ھەيدەپ چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، ئىشىكنى قۇلۇپلاپ قويدى. بۇ چاغدا تامار ئۇزۇن يەڭلىك لىباس كىيىۋالغان بولۇپ، پادىشاھنىڭ ياتلىق بولمىغان قىزلىرى شۇنداق كىيىنىشەتتى. تامار بېشىغا كۈل چېچىپ، ئۈستىدىكى ئۇزۇن يەڭلىك لىباسىنى يىرتىۋەتتى. ئىككى قولى بىلەن يۈزىنى يېپىۋېلىپ، ھۆڭرەپ يىغلاپ ماڭدى. ئاكىسى ئابسالوم ئۇنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن: _ ئاكاڭ ئامنون سەن بىلەن بىللە ياتتىمۇ؟ ھەي سىڭلىم، ئەمدى سەن بۇ ئىشنى ئاغزىڭدىن چىقارما. ئۇ دېگەن سېنىڭ ئاكاڭ، بۇ ئىشنى كۆڭلۈڭگە ئالما، _ دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن تامار تەنھا ۋە غەمكىن ھالدا ئاكىسى ئابسالومنىڭ ئۆيىدە ياشىدى. بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى داۋۇت پادىشاھ ئاڭلاپ، ناھايىتى خاپا بولۇپ كەتتى. ئۆز سىڭلىسى تامارنىڭ نومۇسىغا تەگكەنلىكى ئۈچۈن، ئابسالوم ئامنونغا ئۆچ بولۇپ كەتتى، ئۇ ئامنونغا يا ياخشى، يا يامان سۆز قىلمىدى. ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئابسالوم پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى بائال-خازورغا زىياپەتكە تەكلىپ قىلدى. بائال-خازور ئەفرايىم زېمىنىنىڭ يېنىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇ يەردە ئابسالوم قويلىرىنى قىرقىتىۋاتاتتى. ئابسالوم شاھ ئاتىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ: _ قويلارنى قىرقىتىۋاتىمەن. ئەي ئالىيلىرى، مەرھەمەت قىلىپ ئەمەلدارلىرىڭىزنى ئېلىپ مەن بىلەن بىرگە تەبرىكلەش زىياپىتىگە قاتناشقايسىز، _ دېدى. _ ياق، ئوغلۇم! ئەگەر ھەممىمىز بارساق، ساڭا ئېغىرىمىز چۈشۈپ قالىدۇ، _ دېدى پادىشاھ. ئابسالوم پادىشاھقا قاتتىق يالۋۇردى. پادىشاھ يەنىلا بېرىشقا ئۇنىماي، پەقەت ئۇنىڭغا بەخت تىلەپ دۇئا قىلدى. _ ئەگەر ئۆزىڭىز بارالمايدىغان بولسىڭىز، ئاكام ئامنوننىڭ بىز بىلەن بېرىشىغا رۇخسەت قىلغايسىز، _ دەپ ئۆتۈندى ئابسالوم. پادىشاھ ئۇنىڭدىن: _ نېمىشقا ئۇ سەن بىلەن بىللە بېرىشى كېرەك؟ _ دەپ سورىدى، ئابسالوم يالۋۇرۇۋەرگەندىن كېيىن، پادىشاھ ئاخىرى ئامنوننىڭ ۋە بارلىق ئوغۇللىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بېرىشىغا ماقۇل بولدى. ئابسالوم ئۆزىنىڭ خىزمەتكارلىرىغا: _ دىققەتتە بولۇڭلار، ئامنون ھاراق ئىچىپ، سەل كەيپ بولغاندا، مەن: «ئامنوننى ئۆلتۈرۈڭلار!» دەپ بۇيرۇق قىلىمەن. شۇ چاغدا ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار! قورقماڭلار، بۇنى سىلەرگە مەن بۇيرۇدۇم. دادىل ۋە جەسۇر بولۇڭلار، _ دېدى. ئابسالومنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى بەجا كەلتۈرۈپ، ئامنوننى ئۆلتۈرۈۋەتتى. پادىشاھنىڭ قالغان ئوغۇللىرى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، قېچىرلىرىنى مىنىپ قېچىشتى. ئۇلار يولدا كېتىۋاتقاندىلا، داۋۇت پادىشاھقا: «ئابسالوم پادىشاھنىڭ بالىلىرىنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي، ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ» دېگەن خەۋەر يەتتى. پادىشاھ بۇنى ئاڭلاپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، قاتتىق قايغۇرغان ھالدا كىيىملىرىنى يىرتىپ، ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ يېتىۋالدى. ئۇنىڭ ئەتراپىدا تۇرغان ھەممە خىزمەتكارلىرىمۇ كىيىملىرىنى يىرتىشتى. لېكىن داۋۇت پادىشاھنىڭ ئاكىسى شامماھنىڭ ئوغلى يوناداب ئۇنىڭغا: _ پادىشاھ ئالىيلىرى، «ھەممە ئوغۇللىرىمدىن ئايرىلىپتىمەن» دەپ ئويلىمىسىلا، پەقەت ئامنون ئۆلۈپتۇ، خالاس. ئۇ ئۆگەي سىڭلىسى تامارنىڭ نومۇسىغا تەگكەن كۈندىن باشلاپ، ئابسالوم ئۇنى ئۆلتۈرۈش قەستىدە بولۇپ كەلگەن. ئەمدى پادىشاھ ئالىيلىرى «ھەممە ئوغۇللىرى ئۆلتۈرۈلۈپتۇ» دېگەن خەۋەرگە ئىشەنمىسىلە. ئەمەلىيەتتە ئۆلتۈرۈلگىنى بىرلا ئامنون. ئابسالوم بولسا قېچىپ كەتتى، _ دېدى. شۇ چاغدا سېپىلنىڭ ئۈستىدىكى كۆزەتچى ئەتراپقا قارىغانىدى، تاغ تەرەپتىكى يولدا، بەيت-خورون شەھىرىدىن كېلىۋاتقان نۇرغۇن ئادەملەرنى كۆردى. _ ئەنە، ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى كېلىۋېتىپتۇ. خۇددى پېقىر ئېيتقاندەك بولدى، _ دېدى يوناداب پادىشاھقا. ئۇنىڭ گېپى تۈگەر-تۈگىمەيلا، پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرى يېتىپ كېلىپ، ھۆڭرەپ يىغلاپ كېتىشتى. پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئەمەلدارلىرىمۇ قاتتىق يىغلاپ كېتىشتى. داۋۇت ئامنوننىڭ ئۆلۈمىدىن تەسەللى تاپقاندىن كېيىن، ئابسالومنى سېغىنىشقا باشلىدى. مەزلۇم زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب داۋۇت پادىشاھنىڭ ئابسالومنى سېغىنغانلىقىنى بىلىپ، تىقوۋا شەھىرىگە ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇ يەردىن بىر دانىشمەن ئايالنى چاقىرتىپ كەلدى. يوئاب ئۇ ئايالغا: _ سەن ماتەم تۇتۇۋاتقان قىياپەتكە كىرىپ، ھازىدارلىق كىيىملىرىڭنى كىيگىن. پەرداز قىلما، ئۆزۈڭنى بىر مەرھۇمغا ئۇزاقتىن بېرى ماتەم تۇتۇۋاتقان ئايالدەك كۆرسىتىپ، مەن ساڭا نېمە دېسەم، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا شۇنى دە، _ دېدى. كېيىن يوئاب ئۇ ئايالغا نېمىلەرنى ئېيتىشنى ئۆگەتتى. تىقوۋالىق ئايال، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ، يەرگە باش قويۇپ تەزىم قىلىپ، مۇنداق دېدى: _ ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، ماڭا بىر ياردەم قىلغايلا! _ نېمە ئىشىڭ بار؟ _ دەپ سورىدى پادىشاھ. _ مەن بىر تۇل ئايالمەن، _ دېدى ئۇ، _ ئېرىم ئۆلۈپ كەتكەن. دېدەكلىرىنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىدى. بىر كۈنى ئۇ ئىككىسى ئېتىزلىقتا ئۇرۇشۇپ قاپتۇ. ئۇ يەردە ئىككىسىنى ئاجرىتىپ قويىدىغان ئادەم يوق، بىرى يەنە بىرىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ. ئەمدى پۈتۈن جەمەتىم دېدەكلىرىگە قارشى چىقىپ، ماڭا: «ئاكىسىنى ئۆلتۈرگەن قاتىلنى بىزگە تاپشۇرۇپ بەر. ئاكىسىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، گەرچە مىراسخورۇڭ قالمىسىمۇ، ئۇنى ئۆلتۈرىمىز» دېيىشىۋاتىدۇ. ئەگەر شۇنداق بولسا، ئۇلار مېنىڭ ئۈمىد چىرىغىمنى ئۆچۈرۈۋېتىدۇ. بۇ دۇنيادا ئېرىمنىڭ نامىنى داۋاملاشتۇرىدىغان بىرەرسى قالمايدۇ. _ سەن ئۆيۈڭگە قايت! مەن سېنىڭ مەنپەئەتىڭگە پايدىلىق پەرمان چۈشۈرىمەن، _ دېدى پادىشاھ ھېلىقى ئايالغا. تىقوۋالىق ئايال پادىشاھقا يەنە: _ ئى جانابىي ئالىيلىرى، بۇ ئىشلارغا مەن ۋە ئاتامنىڭ جەمەتى ئەيىبلىكتۇرمىز. پادىشاھ ۋە پادىشاھنىڭ تەختى ئەيىبسىز بولغاي، _ دېدى. _ بۇ ئىش توغرۇلۇق كىم ساڭا بىر نېمە دېسە، ئۇنى مېنىڭ يېنىمغا باشلاپ كەل. ئۇ ئادەم سېنى يەنە خاپا قىلمايدىغان بولىدۇ، _ دېدى پادىشاھ. _ ئەي پادىشاھ ئالىيلىرى، پەرۋەردىگار خۇدالىرىنىڭ ئالدىدا قەسەم قىلغايلا، ئوغلۇمنىڭ ئاتا جەمەتىدىكى قانغا قان ئالىمەن دېگۈچىلەر، قالغان بىر ئوغلۇمنىمۇ ئۆلتۈرۈپ، تېخىمۇ چوڭ جىنايەت ئۆتكۈزمىگەي، _ دېدى ئايال. _ مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، _ دېدى پادىشاھ، _ ئوغلۇڭنىڭ بىر تال مويىغىمۇ زەرەر يەتمەيدۇ. _ دېدەكلىرىنىڭ پادىشاھ ئالىيلىرىغا يەنە بىر ئېغىز گەپ قىلىشىغا رۇخسەت قىلغايلا، _ دېدى ئايال. _ قېنى، دېگىن، _ دېدى پادىشاھ. _ ئۇنداقتا ئۆزلىرى نېمىشقا دەل بۇنداق ناھەقچىلىكنى خۇدانىڭ خەلقىگە راۋا كۆرىدىلا؟ _ دېدى ئايال، _ ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى بۇنداق دەپ تۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ قېچىپ كەتكەن ئوغۇللىرىنىڭ قايتىپ كېلىشىگە يول قويمىسىلا، ئۆزلىرىنىڭ خاتا ئىش قىلغانلىقلىرىنى ئىسپاتلىمامدىلا؟ بىز ھەممىمىز ھامان ئۆلۈپ تۈگەيمىز. خۇددى سۇ تۇپراققا سېپىلسە قايتۇرۇۋالغىلى بولمىغاندەك، بىزمۇ قايتىپ كەلمەيمىز. لېكىن خۇدا بىزنى ھاياتلىقتىن مەھرۇم قىلمايدۇ، ئەكسىچە ئازغانلارنى ئۆزىنىڭ يېنىغا ئېلىپ كېلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەيدۇ. پۈتۈن جەمەتىم مېنى قورقۇتۇۋەتكەنلىكى ئۈچۈن مەن: «بۈگۈن پادىشاھ ئالىيلىرىغا بۇ ئىشلار توغرۇلۇق ئىلتىجا قىلسام، پادىشاھىم دېدىكىنىڭ بۇ تەلىپىنى ئىجابەت قىلار، ئوغلۇم بىلەن مېنى ئۆلتۈرۈپ، بىزنى خۇدا ئۆز خەلقىگە بەرگەن زېمىندىن ئايرىۋەتمەكچى بولغانلاردىن قۇتقۇزار» دەپ ئويلىدىم. مەن يەنە: «پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ گېپى مېنى ئەمىن تاپقۇزىدۇ. چۈنكى پادىشاھىم خۇدانىڭ پەرىشتىسىگە ئوخشاش ھەق-ناھەقنى ئايرىيالايدۇ» دەپ ئويلىدىم. ئۆزلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدالىرى سىلىگە يار بولغاي! _ مەن سەندىن بىر گەپ سوراي، _ دېدى پادىشاھ ھېلىقى ئايالغا، _ سەن مەندىن يوشۇرما. _ جانابىي ئالىيلىرى، قېنى، سورىسىلا، _ دېدى ئايال. _ سېنىڭ يېنىمغا كېلىپ بۇ سۆزلەرنى قىلىشىڭ يوئابنىڭ كۆرسەتمىسىمۇ؟ _ دەپ سورىدى پادىشاھ. ئايال جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: _ مەن پادىشاھ ئالىيلىرى ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، ئۆزلىرىنىڭ ئويلىغانلىرى توغرا. ماڭا نېمە دېيىشنى ۋە نېمە قىلىشنى ئۆگەتكەن دەل ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتكارلىرى يوئابتۇر. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى مەسىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى سىلىگە كۆرسىتىپ بېرىشتۇر. دانالىقتا ئۆزلىرى خۇدانىڭ پەرىشتىسىگە ئوخشايدىلا، يەر يۈزىدە بولۇۋاتقان ھەممە ئىشلارنى بىلىلا. پادىشاھ يوئابنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا: _ مەن ئارزۇيۇڭنى ئىجابەت قىلىشنى قارار قىلدىم. سەن بېرىپ، ياش يىگىت ئابسالومنى قايتۇرۇپ كەل، _ دېدى. يوئاب يەرگە باش قويۇپ تەزىم قىلىپ، پادىشاھقا بەخت تىلىدى ۋە: _ بۈگۈن پېقىر پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ ئالدىدا ئىلتىپات تاپتىم، چۈنكى پادىشاھىم ئارزۇيۇمنى ئىجابەت قىلدى، _ دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن يوئاب گىشۇرغا بېرىپ، ئابسالومنى يېرۇسالېمغا قايتۇرۇپ كەلدى. لېكىن پادىشاھ: _ ئابسالوم ئۆيىگە بارسۇن، مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا كەلمىسۇن، _ دېدى. شۇڭا ئابسالوم پادىشاھ بىلەن كۆرۈشمەي، ئۆز ئۆيىگە كەتتى. پۈتۈن ئىسرائىللار ئارىسىدا ئابسالومدەك قەددى-قامىتى كېلىشكەنلىكىدىن داڭقى چىققان ئادەم يوق ئىدى. ئۇنىڭ بېشىدىن تاپىنىغىچە بىرەر ئەيىب تاپقىلى بولمايتتى. بېشىدىكى چېچى ئۇنىڭغا ئېغىر كەلگەچكە، ئۇ ھەر يىلى بىر قېتىم چېچىنى ئالدۇراتتى. ئالدۇرغان چېچىنى ئۆلچىسە، ئىككى كىلودىن ئارتۇق كېلەتتى. ئابسالومنىڭ ئۈچ ئوغلى ۋە تامار ئىسىملىك گۈزەل بىر قىزى بار ئىدى. ئابسالوم يېرۇسالېمدا ئىككى يىل تۇرغان بولسىمۇ، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئابسالوم يوئابنى پادىشاھ ھۇزۇرىغا ئەۋەتمەكچى بولۇپ، ئۇنى چاقىرتتى، لېكىن يوئاب كەلگىلى ئۇنىمىدى. ئابسالوم ئىككىنچى قېتىم يەنە ئادەم ئەۋەتكەن بولسىمۇ، يوئاب يەنىلا كەلگىلى ئۇنىمىدى. شۇ سەۋەبتىن ئابسالوم خىزمەتكارلىرىغا: _ مانا، يوئابنىڭ ئارپا تېرىغان ئېتىزى مېنىڭ ئېتىزىم بىلەن يانداش تۇرۇپتۇ. سىلەر بېرىپ، يوئابنىڭ ئېتىزىغا ئوت قويۇۋېتىڭلار! _ دەپ بۇيرۇدى. ئابسالومنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ ئېتىزىغا ئوت قويۇۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن يوئاب ئابسالومنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۇنىڭدىن: _ خىزمەتكارلىرىڭىز نېمە ئۈچۈن مېنىڭ ئېتىزىمغا ئوت قويىدۇ؟ _ دەپ سورىدى. ئابسالوم يوئابقا جاۋاب بېرىپ: _ سېنى چاقىرتىشىمدىكى مەقسەت، يېنىمغا كەلسەڭ، سېنى پادىشاھ ھۇزۇرىغا ئەۋەتىپ پادىشاھقا: «مېنى نېمىشقا گىشۇردىن قايتۇرۇپ كەلدىڭىز؟ شۇ يەردە تۇرۇۋەرگىنىم ياخشى بولاتتى» دېگەن سۆزلەرنى يەتكۈزۈش ئىدى. ئەمدى مەن پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرەي. ئەگەر مەن ئەيىبلىك بولسام، مېنى ئۆلتۈرۈۋەتسۇن، _ دېدى. يوئاب پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ، بۇ خەۋەرنى يەتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئابسالومنى چاقىرتتى. ئابسالوم پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا باش قويۇپ تەزىم قىلدى. پادىشاھ ئابسالومنى قۇچاقلاپ سۆيدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئابسالوم ئۆزىگە بىر جەڭ ھارۋىسى بىلەن ئاتلارنى شۇنداقلا 50 چاپارمەننى ھازىرلىدى. ئۇ دائىم سەھەر تۇرۇپ شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى يول بويىدا تۇراتتى. بىرەرسى دەۋا ئىشى توغرۇلۇق پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈشكە ئۇ يەرگە كەلسە، ئابسالوم ئۇنى چاقىرىپ «قەيەرلىكسىز؟» دەپ سورايتتى. ناتونۇش كىشى جاۋابەن: «پېقىر ئىسرائىلىيەنىڭ پالانى قەبىلىسىدىن» دېسە، ئابسالوم: «قاراڭ، دەۋايىڭىز يوللۇق ھەم ھەق ئىكەن، بىراق پادىشاھنىڭ يېنىدا بۇنى ئاڭلايدىغان ئادەم يوق» دەيتتى. ئابسالوم يەنە «ئەگەر مەن بۇ يەردە سەردار بولغان بولسام، ئەرز قىلىپ كەلگەنلەر مېنى ئىزدەيتتى. مەن ئۇلارنىڭ ئىشى ھەققىدە ئادىللىق بىلەن قارار چىقىراتتىم» دەيتتى. بىرەرسى كېلىپ ئابسالومغا تەزىم قىلماقچى بولسا، ئۇ قولىنى ئۇزىتىپ ئۇنى قۇچاقلاپ سۆيۈپ كېتەتتى. ئابسالوم پادىشاھقا ئەرز قىلغىلى كەلگەن بارلىق ئىسرائىللارغا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە رام قىلىۋالدى. تۆت يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئابسالوم داۋۇت پادىشاھقا: _ مېنىڭ پەرۋەردىگارغا قىلغان ۋەدەمنى ئادا قىلىشىم ئۈچۈن ھىبرونغا بېرىشىمغا ئىجازەت بەرگەيلا! مەن سۈرىيەنىڭ گىشۇر دېگەن يېرىدە تۇرۇۋاتقىنىمدا پەرۋەردىگارغا: «ئەگەر مېنى يېرۇسالېمغا قايتۇرساڭ، ھىبروندا ساڭا ئىبادەت قىلىمەن» دەپ، ۋەدە بەرگەنىدىم، _ دېدى. پادىشاھ: _ ئامان-ئېسەن بار، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئابسالوم ھىبرونغا باردى. بىراق ئابسالوم ئىسرائىلىيەنىڭ بارلىق قەبىلىلىرىگە ئادەملىرى ئەۋەتىپ: «سىلەر بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان ‹ئابسالوم ھىبروندا پادىشاھ بولۇپتۇ› دەڭلار» دېدى. ئابسالومنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ تەكلىپى بويىچە يېرۇسالېمدىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن 200 ئادەم بار ئىدى. ئۇلار ئابسالومنىڭ يامان نىيىتىدىن خەۋەرسىز ئادەملەر ئىدى. ئابسالوم قۇربانلىق سۇنۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، داۋۇتنىڭ مەسلىھەتچىسى گىلوھلۇق ئاخىتوفەلگە ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى گىلوھدىن ئېلىپ كەلدى. ئابسالومغا ئەگەشكەنلەرنىڭ سانى زور مىقداردا كۆپىيىشى بىلەن، داۋۇت پادىشاھقا بولغان سۇيىقەستمۇ بارغانسېرى كۈچەيدى. بىر خەۋەرچى داۋۇتنىڭ يېنىغا كېلىپ: «ئىسرائىللارنىڭ قەلبى ئابسالومغا ئېغىپ كەتتى» دېدى. ئاندىن داۋۇت يېرۇسالېمدا ئۆزى بىلەن بىرگە بولغان ھەممە ئەمەلدارلىرىغا: _ ئەمىسە، بىز قاچايلى، بولمىسا ئابسالومدىن قېچىپ قۇتۇلالمايمىز. تېز بولۇڭلار، بولمىسا ئۇ بىزگە يېتىشىۋېلىپ، بىزنى ھالاكەتكە تىقىپ، شەھەر ئاھالىسىنىڭ ھەممىسىنى قىلىچ بىلەن قىرىۋېتىدۇ، _ دېدى. پادىشاھنىڭ ئەمەلدارلىرى پادىشاھقا: _ خوپ، پادىشاھى ئالەم، قانداق قارار قىلسىلىرى باش ئۈستىگە، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ پۈتۈن ئوردا ئەھلىنى ئەگەشتۈرۈپ يولغا چىقتى. ئوردىنى ساقلىسۇن دەپ، ئون توقىلىنى ئوردىغا قويدى. پادىشاھ يولغا چىققاندا، ئۇنىڭ بارلىق ئادەملىرى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. ئۇلار شەھەرنىڭ ئەڭ چېتىدىكى بىر ئۆيگە كېلىپ توختىدى. پادىشاھنىڭ ياساۋۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئادەملىرى ۋە گاتتىن پادىشاھقا ئەگىشىپ كەلگەن 600 نەپەر گاتلىقلار پادىشاھنىڭ يېنىدىن ئۆتتى. پادىشاھ گاتلىق ئىتتايغا: _ نېمىشقا بىز بىلەن كېلىسەن؟ قايتىپ كەت! سەن باشقا ئەلدىن سۈرگۈن قىلىنغان بىر مۇساپىرسەن. كىم پادىشاھىڭ بولسا، شۇنىڭ يېنىدا تۇر. سەن تۈنۈگۈنلا كەلدىڭ. مەن نەگە بېرىشىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. بۇ كۈنلەردە سېنى سەرگەردان قىلىپ يۈرەيمۇ؟ ئۆزۈڭ بىلەن بىللە كەلگەنلەرنى ئېلىپ قايتقىن. خۇدا ساڭا مېھىر-مۇھەببەت ۋە ساداقەتمەنلىك كۆرسەتكەي! _ دېدى. بىراق ئىتتاي پادىشاھقا: _ ئى پادىشاھى ئالەم، مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار، شۇنداقلا سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا قەسەم قىلىمەنكى، ھاياتلىق ياكى ماماتلىق بولسۇن، سىلى نەدە بولسىلا، پېقىر شۇ يەردە بولىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى. داۋۇت ئىتتايغا: _ بوپتۇ، بىز بىلەن يۈرۈۋەر، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ، گاتلىق ئىتتاي بارلىق ئادەملىرىنى بالا-چاقىلىرى بىلەن ئېلىپ، ئالدىغا قاراپ مېڭىپ كەتتى. داۋۇتنىڭ ئادەملىرى يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، پۈتۈن يۇرت ئەھلى ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى. پادىشاھ داۋۇت قىدرون جىلغىسىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، بارلىق ئادەملىرىنى باشلاپ، دەشت-باياۋانغا قاراپ يول ئالدى. روھانىي زادوق ۋە روھانىي ئەبىياتار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈۋالغان لاۋىيلار بىلەن بىللە شۇ يەردە ئىدى. ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يەرگە قويۇپ، داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى شەھەردىن چىقىپ بولغۇچە ساقلاپ تۇرۇشتى. _ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يېرۇسالېمغا قايتۇرۇپ كېتىڭلار! _ دېدى پادىشاھ زادوققا، _ ئەگەر پەرۋەردىگار مەندىن رازى بولسا، مېنى قايتۇرۇپ كېلىپ، ئەھدە ساندۇقى تۇرغان ئۆينى ۋە ئەھدە ساندۇقىنى ماڭا يەنە كۆرسەتسۇن. ئەگەر پەرۋەردىگار: «سەندىن رازى ئەمەسمەن» دېسە، مەيلى، مېنى قانداق قىلسا شۇنداق قىلسۇن. پادىشاھ يەنە روھانىي زادوققا: _ سەن ئەھۋالنى چۈشىنىسەن. ئوغلۇڭ ئاخىمائاس ۋە روھانىي ئەبىياتار ھەمدە ئۇنىڭ ئوغلى يوناتان بىلەن بىللە شەھەرگە تىنچ قايتىپ كېتىڭلار. مەن سىلەردىن تاكى خەۋەر كەلگۈچە دالادىكى دەريا كېچىكىدە ساقلاپ تۇرىمەن، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ زادوق بىلەن ئەبىياتار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى يېرۇسالېمغا قايتۇرۇپ كېتىشتى ۋە ئۆزلىرىمۇ شۇ يەردە تۇرۇپ قېلىشتى. داۋۇت ھۆڭرەپ يىغلاپ، قايغۇ-ھەسرەتتىن بېشىنى يېپىۋېلىپ، يالاڭ ئاياغ پېتى زەيتۇن تېغىغا چىقىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ھەمراھلىرىمۇ باشلىرىنى يېپىۋېلىپ يىغلاپ مېڭىشتى. داۋۇتنىڭ مەسلىھەتچىسى ئاخىتوفەلنىڭ ئابسالوم تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەنلىك خەۋىرى داۋۇتقا يېتىپ كەلگەندە، داۋۇت پەرۋەردىگارغا: «ئى پەرۋەردىگار، ئاخىتوفەلنىڭ كۆرسەتكەن مەسلىھەتلىرىنى ئەخمىقانىلىققا ئايلاندۇرۇۋەتكەيسەن» دەپ دۇئا قىلدى. داۋۇت تاغنىڭ بېشىغا، يەنى كىشىلەر خۇداغا سەجدە قىلىدىغان يەرگە يېتىپ كەلگەندە، ئاركى جەمەتىدىن بولغان خۇشاي كىيىملىرىنى يىرتىپ، بېشىغا توپا چاچقان ھالدا ئۇنى شۇ يەردە كۈتۈۋالدى. داۋۇت ئۇنىڭغا: _ ئەگەر سەن مەن بىلەن بىللە ماڭساڭ، ماڭا يۈك بولۇپ قالىسەن. سەن يېرۇسالېمغا قايتىپ، ئابسالومغا: «ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، مەن ئىلگىرى ئاتىلىرىنىڭ خىزمەتكارى بولغىنىمدەك، ئەمدى سىلىنىڭمۇ خىزمەتكارلىرى بولۇشنى خالايمەن» دېگىن. شۇنداق قىلساڭ، ئاخىتوفەلنىڭ كۆرسەتكەن مەسلىھەتىگە قارشى چىقىپ، ماڭا ياردەم قىلالايسەن. روھانىي زادوق بىلەن روھانىي ئەبىياتارمۇ شۇ يەردە سەن بىلەن بىللە بولىدۇ ئەمەسمۇ؟! سەن ئوردىدا ئاڭلىغانلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارغا ئېيتىپ تۇر. ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرى ئاخىمائاز بىلەن يوناتانمۇ شۇ يەردە. ئۇلار ئارقىلىق ئاڭلىغانلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى ماڭا يەتكۈزسەڭ بولىدۇ، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ داۋۇتنىڭ دوستى خۇشاي يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى. شۇ پەيتتە ئابسالوممۇ يېرۇسالېمغا كىرىۋاتقانىدى. داۋۇت تاغ چوققىسىدىن ئېشىپ، ئەمدىلا چۈشۈۋاتقاندا، مىفىبوشەتنىڭ خىزمەتكارى زىبا دېگەن ئادەمنى ئۇچراتتى؛ زىبانىڭ يېنىدا ئېگەرلەنگەن ئىككى ئېشىكى بار بولۇپ، ئېشەكلەرگە ئىككى يۈز نان، يۈز ئوچۇم كىشمىش، يۈز ئوچۇم يازلىق مېۋىلەر ۋە بىر تۇلۇم شاراب ئارتىلغانىدى. پادىشاھ زىبادىن: _ سەن بۇ نەرسىلەرنى نېمىگە ئېلىپ كەلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى. _ ئېشەكلەرنى پادىشاھىمنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ مىنىشىگە، نان ۋە يازلىق مېۋىلەرنى ياشلارنىڭ يېيىشىگە، شارابنى چۆلدە ھېرىپ قالغانلارنىڭ ئىچىشىگە ئېلىپ كەلدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى زىبا. _ خوجايىنىڭ سائۇلنىڭ نەۋرىسى مىفىبوشەت قەيەردە؟ _ دەپ سورىدى پادىشاھ يەنە ئۇنىڭدىن. _ مىفىبوشەت: «بۈگۈن ئىسرائىل خەلقى ماڭا بوۋام سائۇلنىڭ پادىشاھلىقىنى قايتا تىكلەپ بېرىدۇ» دەپ يېرۇسالېمدا قالدى، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ. _ مىفىبوشەتكە تەۋە بولغان ھەممە نەرسە ئەمدى ساڭا تەۋەدۇر، _ دېدى پادىشاھ. _ پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ ئالدىدا باش ئېگىپ قۇللىرى بولاي، ئىلتىپاتلىرىغا سازاۋەر بولغايمەن! _ دەپ جاۋاب قايتۇردى زىبا. داۋۇت باخۇرىم شەھىرىگە يېتىپ كەلگەندە، سائۇل جەمەتىدىن بىر ئادەم ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ كەلدى. ئۇ گېرانىڭ ئوغلى بولۇپ، ئىسمى شىمئى ئىدى. ئۇ داۋۇتنىڭ يېنىغا كېلىۋېتىپ ئۇنى قارغىدى. ئۇ داۋۇت پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئادەملىرىگە ھەمدە مەخسۇس تەربىيەلەنگەن لەشكەرلىرىگە قارىتىپ تاش ئاتتى. _ ئەي قانخور، ئەي رەزىل ئىنسان، يوقال! يوقال بۇ يەردىن! _ دەپ ئۇنى ھاقارەتلەپ توۋلىدى شىمئى، _ سائۇل جەمەتىنىڭ قېنىنى تۆككەنلىكىڭ ئۈچۈن مانا پەرۋەردىگار سېنى جازالاۋاتىدۇ. سەن سائۇلنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى تارتىۋالغانىدىڭ، پەرۋەردىگار ئەمدى ئۇنى ئوغلۇڭ ئابسالومغا ئېلىپ بەردى. مانا ئەمدى قىلغانلىرىڭ ئۆزۈڭگە قايتتى، ئەي قانخور! زىرۇيانىڭ ئوغلى ئابىشاي پادىشاھقا: _ نېمىشقا بۇ ئۆلۈك ئىتقا پادىشاھى ئالەمنى ھاقارەتلەتكۈزىمىز؟ مەن بېرىپ ئۇ بىر نېمىنىڭ كاللىسىنى ئۈزۈۋېتەي، _ دېدى. _ ھەي زىرۇيانىڭ ئوغۇللىرى، _ دېدى داۋۇت ئابىشاي ۋە يوئابقا، _ سىلەرنىڭ بۇ ئىش بىلەن نېمە مۇناسىۋىتىڭلار بار؟ ئەگەر پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «سەن بېرىپ داۋۇتنى قارغا» دېگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ مېنى قارغىغان بولسا، كىممۇ ئۇنىڭغا: «سەن نېمىشقا بۇنداق قىلىسەن؟» دېيەلىسۇن؟ ئاندىن داۋۇت ئابىشاي ۋە ئۆزىنىڭ بارلىق ئادەملىرىگە: _ قاراڭلار، ئۆزۈمنىڭ پۇشتىدىن بولغان ئوغلۇم جېنىمنى ئالماقچى بولۇۋاتقان يەردە، بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بۇ ئادەم نېمە قىلمايدۇ؟ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىشنى بۇيرۇغان، مەيلىگە قويۇۋېتىڭلار، قارغاۋەرسۇن! پەرۋەردىگار مۈشكۈللۈكتە قالغانلىقىمنى كۆرۈپ، بۈگۈن بۇ ئادەمنىڭ قارغاشلىرى ئورنىغا ماڭا شەپقەت كۆرسىتىپمۇ قالار، _ دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت ئادەملىرى بىلەن يولىنى داۋاملاشتۇردى. شىمئى تاغ باغرىنى بويلاپ داۋۇت بىلەن قاتار ماڭغاچ، ئۇنى قارغاپ، ئۇنىڭغا تاش ئېتىپ، توپا چېچىپ ماڭدى. پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بارىدىغان مەنزىلىگە يېتىپ كەلگەندە، ھارغانلىقلىرىنى ھېس قىلىشتى-دە، شۇ يەردە ئارام ئېلىشتى. شۇ پەيتتە ئابسالوم ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن پۈتۈن ئىسرائىللار يېرۇسالېمغا كىرىپ بولغانىدى. ئاخىتوفەلمۇ ئابسالوم بىلەن بىللە ئىدى. داۋۇتنىڭ دوستى ئاركى جەمەتىدىن بولغان خۇشاي ئابسالومنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: _ پادىشاھ ئالىيلىرى ياشىغايلا! _ دېدى. ئابسالوم ئۇنىڭدىن: _ سېنىڭ دوستۇڭغا كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتىڭ شۇمۇ؟ نېمىشقا دوستۇڭ بىلەن بىللە كەتمىدىڭ؟ _ دەپ سورىدى. خۇشاي ئابسالومغا: _ نەگىمۇ باراتتىم؟ مەن، پەرۋەردىگار ۋە بۇ خەلق، شۇنداقلا پۈتۈن ئىسرائىللار تەرىپىدىن تاللانغان ئادەمگە تەۋەدۇرمەن، مەن سىلى بىلەن بىللە بولىمەن. يەنە كېلىپ، داۋۇتنىڭ ئوغلى ئابسالومدىن باشقا يەنە كىمگىمۇ خىزمەت قىلاتتىم؟ ئاتىلىرىغا قانداق خىزمەت قىلغان بولسام، سىلىگىمۇ شۇنداق خىزمەت قىلىمەن، _ دېدى. شۇندا ئابسالوم ئاخىتوفەلگە قاراپ: _ نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ بىر مەسلىھەت بەرگىن، _ دېدى. _ سىلى ئاتىلىرى ئوردىغا قاراشقا قالدۇرۇپ كەتكەن توقاللارغا يېقىنلىشىلا، شۇنداق قىلسىلىرى ئىسرائىل خەلقى سىلىنىڭ ئۆز ئاتىلىرىنى شەرمەندە قىلغانلىقلىرىنى ئاڭلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىلىگە ئەگەشكەنلەرنىڭ سىلىنى قوللاش قارارى تېخىمۇ قەتئىي بولىدۇ، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ ئابسالومغا ئوردىنىڭ ئۆگزىسىدە بىر چېدىر تىكىلدى. ئابسالوم ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئاتىسىنىڭ توقاللىرى بىلەن بىر ياستۇققا باش قويدى. ئۇ چاغلاردا كىشىلەرگە ئاخىتوفەلنىڭ كۆرسەتكەن مەسلىھەتلىرى خۇدادىن كەلگەن مەسلىھەتتەك بىلىنەتتى. ئابسالوم ئاخىتوفەلنىڭ بەرگەن مەسلىھەتلىرىنى بەجايىكى داۋۇت قوبۇل قىلغاندەك قوبۇل قىلاتتى. ئاخىتوفەل ئابسالومغا يەنە: _ ئىجازەت بەرسىلىرى، 12 مىڭ ئادەمنى تاللىۋالسام. بۈگۈن كېچىدىلا يولغا چىقىپ، داۋۇتنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ بېرىپ، ئۇ ھېرىپ-چارچاپ، ئۈمىدسىزلەنگەن ۋاقتىدا ھۇجۇم قىلسام، ئۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ھەممىسى ئالاقزادىلىكتە قاچىدۇ. مەن پەقەت پادىشاھنىڭ ئۆزىنىلا ئۆلتۈرۈپ، پۈتكۈل خەلقنى سىلىگە قايتۇرۇپ كېلىمەن. سىلى قوغلاپ يۈرگەن ئۇ ئادەم ئۆلسىلا، خەلقنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ يانلىرىغا قايتىپ كېلىدۇ، خەلقمۇ ئامان قالىدۇ، _ دېدى. ئاخىتوفەلنىڭ بۇ مەسلىھەتى ئابسالومغىمۇ، بارلىق ئىسرائىل ئاقساقاللىرىغىمۇ ياقتى. _ ئاركى جەمەتىدىن بولغان خۇشاينىمۇ چاقىرىپ كېلىڭلار، ئۇنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنىمۇ ئاڭلاپ باقايلى، _ دېدى ئابسالوم. خۇشاي ئابسالومنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئابسالوم ئۇنىڭغا ئاخىتوفەلنىڭ مەسلىھەتىنى ئېيتىپ بەردى ۋە ئۇنىڭدىن: _ بىز ئۇنىڭ دېگىنىدەك قىلساق بولارمۇ؟ بولمىسا سەن پىكرىڭنى دەپ باقساڭ، _ دەپ سورىدى. _ ئاخىتوفەلنىڭ بۇ قېتىمقى مەسلىھەتى ياخشى بولماپتۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى خۇشاي، _ ئۆزلىرىگە مەلۇمكى، ئاتىلىرى ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ماھىر جەڭچىلەر بولۇپ، ئۇلار خۇددى بالىلىرى بۇلاپ كېتىلگەن دالادىكى چىشى ئېيىقتەك قەھرگە تولغاندۇر. يەنە كېلىپ ئاتىلىرى بىر تەجرىبىلىك جەڭچى، كېچىدە ئۇ لەشكەرلەر بىلەن بىللە ياتمايدۇ. شۇ پەيتتە ئۇ بىر ئۆڭكۈردە ياكى باشقا بىر يەردە يوشۇرۇنۇپ يۈرىدۇ. ئاتىلىرى داۋۇت سىلىنىڭ ئادەملىرىگە بىرىنچى بولۇپ ھۇجۇم قىلىپ، ئادەملىرىدىن بەزىلىرى ئۆلتۈرۈلسە، بۇنى ئاڭلىغانلار: «ئابسالومنىڭ ئادەملىرى قىرىلىپتۇ!» دېيىشىدۇ. ئۇ چاغدا ھەتتا شىر يۈرەك قەھرىمانلارمۇ قورقۇنچ ئىچىدە قالىدۇ. چۈنكى پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئاتىلىرىنىڭ ماھىر جەڭچى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ باتۇر ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. مەسلىھەتىم شۇكى، دان شەھىرىدىن بەئەرشەبا شەھىرىگىچە بولغان پۈتۈن ئىسرائىللار سىلىنىڭ ئەتراپلىرىغا توپلانسۇن، ئىسرائىللار دېڭىز ياقىسىدىكى قۇمدەك كۆپ. ئۇلارنى سىلى ئۆزلىرى جەڭگە باشلىغايلا. بۇ چاغدا داۋۇت پادىشاھ مەيلى قەيەردە يوشۇرۇنۇپ يۈرمىسۇن، بىز خۇددى يەر يۈزىگە چۈشكەن شەبنەم پۈتۈن زېمىننى قاپلىغاندەك ئۇنىڭ ئۈستىگە باستۇرۇپ بارىمىز. داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىدىن بىرىنىمۇ تىرىك قالدۇرمايمىز. داۋۇت چېكىنىپ بىرەر شەھەرگە كىرىۋالسا، بىز پۈتۈن ئىسرائىللار ئارغامچىلارنى ئېلىپ كېلىپ، ھەتتا كىچىككىنە بىر تال تاشنىمۇ قالدۇرماي، ئۇ شەھەرنى تارتىپ ئاپىرىپ سايغا چۈشۈرۈۋېتىمىز. ئابسالوم ۋە ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى: «خۇشاينىڭ مەسلىھەتى ئاخىتوفەلنىڭكىدىن ياخشى ئىكەن» دېيىشتى. سەۋەبى پەرۋەردىگار ئابسالومنى بالا-قازاغا دۇچار قىلىش مەقسىتىدە، ئاخىتوفەلنىڭ ياخشى مەسلىھەتىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىنى قارار قىلغانىدى. خۇشاي ئاخىتوفەلنىڭ ئابسالوم ۋە ئىسرائىل ئاقساقاللىرىغا قانداق مەسلىھەت بەرگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭمۇ ئۇلارغا قانداق مەسلىھەت بەرگەنلىكىنى روھانىي زادوق بىلەن ئەبىياتارغا دەپ بەردى. ئۇ يەنە: _ ئەمدى سىلەر دەرھال داۋۇتقا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا: «بۈگۈن كېچىدە دالادىكى دەريا كېچىكىدە تۇرماي، ھازىرلا ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ كەتسىلە، ئۇنداق بولمىسا، پادىشاھ ئۆزلىرى ھەم ئادەملىرىمۇ يوقىتىلىدۇ» دەپ مەلۇمات بېرىڭلار، _ دېدى. بۇ چاغدا ئەبىياتارنىڭ ئوغلى يوناتان بىلەن زادوقنىڭ ئوغلى ئاخىمائاز ئۆزلىرىنىڭ شەھەرگە كىرىۋاتقانلىقىنى باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن قورقۇپ، يېرۇسالېمنىڭ تېشىدىكى روگېل بۇلىقىنىڭ بويىدا كۈتۈپ تۇرۇشتى. بىر خىزمەتچى قىز ئۇلارغا خەۋەر ئەكېلىپ تۇراتتى، ئۇلار بولسا ئاڭلىغانلىرىنى بېرىپ داۋۇت پادىشاھقا يەتكۈزۈپ تۇراتتى. لېكىن بىر قېتىم ئۇلارنى بىر يىگىت كۆرۈپ قېلىپ، بېرىپ ئابسالومغا ئېيتىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسى ئىتتىك ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، باخۇرىمدىكى بىرەيلەننىڭ ئۆيىگە باردى. ئۇ ئادەمنىڭ ھويلىسىدا بىر قۇدۇق بار بولۇپ، ئۇلار شۇ قۇدۇقنىڭ ئىچىگە چۈشۈۋالدى. ئۆي ئىگىسىنىڭ ئايالى ئۇلارنىڭ سېزىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن قۇدۇقنىڭ ئاغزىغا بىر پالاس يېپىپ، ئۈستىگە باشاق يېيىتىپ قويدى. ئابسالومنىڭ ئادەملىرى بۇ ئۆيگە ئۇلارنى ئىزدەپ كېلىپ، ئۇ ئايالدىن: _ ئاخىمائاز بىلەن يوناتاننى كۆردىڭىزمۇ؟ _ دەپ سورىدى. ئايال ئۇلارغا: _ ئۇلار دەريادىن ئۆتۈپ كەتتى، _ دەپ جاۋاب بەردى. ئابسالومنىڭ ئادەملىرى ئۇلارنى ئىزدەپ تاپالمىغاندىن كېيىن، يېرۇسالېمغا قايتىپ كېتىشتى. ئۇلار كەتكەندىن كېيىن، ئىككىيلەن قۇدۇقتىن چىقىپ داۋۇت پادىشاھنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئاخىتوفەلنىڭ ئابسالومغا داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە قارشى مەسلىھەت بەرگەنلىكىنى ئېيتتى ھەم ئۇلارغا: _ قېنى ھازىرلا دەريادىن ئۆتۈپ كېتىڭلار، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈشكە باشلىدى. تاڭ ئاتقاندا دەريادىن ئۆتۈپ بولالمىغان بىرمۇ ئادەم قالمىدى. ئاخىتوفەل ئۆز مەسلىھەتىنىڭ قوبۇل قىلىنمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئېشىكىنى ئېگەرلەپ، ئۆز يۇرتىغا قايتتى. ئائىلىسىدىكى ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى. جەسىتى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىغا قويۇلدى. داۋۇت ماخانايىم شەھىرىگە يېتىپ بارغان چاغلاردا، ئابسالوم ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئىسرائىللار ئىئوردان دەرياسىدىن كېسىپ ئۆتتى. ئابسالوم يوئابنىڭ ئورنىغا ئاماسانى قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى قىلىپ تەيىنلىدى. ئاماسا بولسا ئىسمائىللاردىن بولغان يەتەرنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئابىگال ناخاشنىڭ قىزى بولۇپ، ئۇ يوئابنىڭ ئانىسى زىرۇيانىڭ سىڭلىسى ئىدى. ئابسالوم بىلەن ئىسرائىللار گىلئادتا بارگاھ تىكتى. داۋۇت ماخانايىمغا يېتىپ بارغان چاغدا، ئۇنى ئاممونلارنىڭ رابباھ شەھىرىدىن بولغان ناخاشنىڭ ئوغلى شوبى، لودىبارلىق ئاممىئېلنىڭ ئوغلى ماكىر ۋە روگىلىمدا ئولتۇرۇشلۇق گىلئادلىق بارزىللايلار كۈتۈۋالدى. داۋۇت يېنىدىكى ئادەملىرىنى بىر جايغا يىغىپ، ئۇلار ئۈستىدىن سەركەردىلەر تەيىنلىدى، بەزىلىرى مىڭ لەشكەرگە باشلىق بولسا، بەزىلىرى يۈز لەشكەرگە باشلىق بولدى. ئۇ ئادەملىرىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى يوئابنىڭ قولىغا، ئۈچتىن بىرىنى يوئابنىڭ ئاكىسى _ مەزلۇم زىرۇيانىڭ ئوغلى ئابىشاينىڭ قولىغا، قالغان ئۈچتىن بىرىنى گاتلىق ئىتتاينىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، ئۇلارنى جەڭگە ئاتلاندۇردى. داۋۇت ئۇلارغا: _ مەنمۇ سىلەر بىلەن بىللە جەڭگە چىقىمەن، _ دېدى. ئادەملىرى ئۇنىڭغا: _ ئۆزلىرى جەڭگە چىقسىلا بولمايدۇ. ئەگەر بىز جەڭدە قېچىشقا توغرا كېلىپ قالساق، دۈشمەنلىرىمىز بىزگە پەرۋا قىلمايدۇ، ھەتتا بىزنىڭ يېرىمىمىز جەڭدە ئۆلسەكمۇ ئۇلارغا بەرىبىر. ئۆزلىرى بىزدەكتىن 10 مىڭغا ئەرزىيلە. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئۆزلىرى شەھەردە قېلىپ بىزگە ياردەمچى ئەۋەتىپ تۇرغايلا، _ دېيىشتى. پادىشاھ داۋۇت ئۇلارغا: _ سىلەرچە قانداق قىلسام ياخشى بولسا شۇنداق قىلاي! _ دېدى. لەشكەرلەر يۈز كىشىلىك ۋە مىڭ كىشىلىك قوشۇن بولۇپ جەڭگە ئاتلانغاندا، پادىشاھ شەھەر دەرۋازىسىنىڭ يېنىدا تۇردى. پادىشاھ داۋۇت يوئاب، ئابىشاي ۋە ئىتتايغا: _ مېنىڭ ھۆرمىتىم ئۈچۈن ئابسالوم دېگەن يىگىتكە ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار _ دەپ بۇيرۇدى. پادىشاھنىڭ ئابسالوم توغرۇلۇق سەركەردىلەرگە بۇيرۇغان گېپىنى لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسى ئاڭلىدى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئىسرائىللار بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن دالاغا چىقتى. جەڭ ئەفرايىم ئورمانلىقىدا بولدى. داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئىسرائىللارنى مەغلۇپ قىلدى. ئۇ كۈنى چوڭ قىرغىنچىلىق بولۇپ 20 مىڭ كىشى ئۆلتۈرۈلدى. جەڭ پۈتۈن ئەتراپقا يېيىلدى. شۇ كۈنى ئورماندىكى خەتەرلەردە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى جەڭدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىدىن كۆپ بولدى. ئابسالوم داۋۇتنىڭ ئادەملىرىگە دۇچ كېلىپ قالدى. ئۇ چاغدا ئابسالوم قېچىرغا مىنىپ قېچىپ كېتىۋاتاتتى. قېچىر شاخلىرى ناھايىتى قويۇق ئۆسكەن چوڭ بىر پىستە دەرىخىنىڭ ئاستىدىن ئۆتكەندە، ئابسالومنىڭ بېشى دەرەخ شاخلىرىنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قالدى. قېچىر چاپقان پېتى كېتىۋەردى، ئابسالوم بولسا دەرەخكە ئېسىلىپ قالدى. داۋۇتنىڭ ئادەملىرىدىن بىرى ئۇنى كۆرۈپ قېلىپ، بېرىپ يوئابقا: _ مەن ئابسالومنىڭ بىر پىستە دەرىخىنىڭ شاخلىرىغا ئېسىلىپ قالغانلىقىنى كۆردۈم، _ دېدى. يوئاب خەۋەر ئېلىپ كەلگەن ئادەمگە: _ ئۇنى كۆرگەن بولساڭ، نېمىشقا شۇ يەردىلا ئۆلتۈرۈۋەتمىدىڭ؟ ساڭا ئون كۈمۈش تەڭگە بىلەن بىر كەمەر ئىنئام قىلغان بولاتتىم، _ دېدى. ھېلىقى ئادەم يوئابقا مۇنداق دېدى: _ ماڭا ھەتتا مىڭ كۈمۈش تەڭگە بەرسىلىمۇ، پادىشاھنىڭ ئوغلىغا قارشى قولۇمنى كۆتۈرمەيمەن. چۈنكى بىز ھەممىمىز پادىشاھنىڭ سىلىگە ۋە ئابىشاي بىلەن ئىتتايغا: «مېنىڭ ھۆرمىتىم ئۈچۈن ئابسالوم دېگەن يىگىتكە ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار» دەپ بۇيرۇغانلىقىنى ئاڭلىغانمىز. ئەگەر پادىشاھقا خىيانەت قىلىپ، ئوغلىنى ئۆلتۈرسەم، پادىشاھ چوقۇم كىمنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى تاپىدۇ. ئۇ چاغدا سىلىمۇ ئۆزلىرىنى مەندىن چەتكە ئالىدىلا. يوئاب جاۋابەن: _ سەن بىلەن بۇ يەردە ۋاقتىمنى ئۆتكۈزمەي، _ دېدى-دە، قولىغا ئۈچ دانە نەيزە ئېلىپ، ئۇ يەرگە باردى. ئابسالوم تېخى تىرىك ھالدا پىستە دەرىخىگە ئېسىلىپ تۇرغان ۋاقتىدا، يوئاب كېلىپ، ئۇنىڭ يۈرىكىگە نەيزىلەرنى تىقىۋەتتى. ئاندىن يوئابنىڭ ئون نەپەر قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ئابسالومنى قورشىۋېلىپ، ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. يوئاب جەڭنى توختىتىش ئۈچۈن بۇرغا چالدۇردى، ئادەملىرى ئىسرائىللارنى قوغلاشتىن توختاپ، ئارقىلىرىغا قايتىشتى. ئۇلار ئابسالومنىڭ جەسىتىنى دەرەختىن چۈشۈرۈپ، ئورماندىكى چوڭ بىر ئورەككە تاشلىۋەتتى ۋە ئۈستىگە ئېگىز قىلىپ تاش دۆۋىلەپ قويدى. ئابسالومغا ئەگەشكەن ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى ئۆز ئۆيلىرىگە قېچىپ كېتىشتى. ئابسالوم ھايات ۋاقتىدا: «نامىمنى داۋاملاشتۇرىدىغان ئوغلۇم يوق» دەپ، «پادىشاھ جىلغىسى» دېگەن يەردە ئۆزىگە ئاتاپ بىر تاش ئابىدە ئورنىتىپ، ئۇنىڭغا ئۆز نامىنى بەرگەنىدى. بۇ تاش ئابىدە تاكى ھازىرغىچە «ئابسالوم ئابىدىسى» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. زادوقنىڭ ئوغلى ئاخىمائاز يوئابقا: _ ئىجازەت بەرسىڭىز، مەن تېز بېرىپ پادىشاھقا: «پەرۋەردىگار سىلىنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى» دەپ، خۇش خەۋەر يەتكۈزەي، _ دېدى. _ ياق، _ دېدى يوئاب، _ پادىشاھنىڭ ئوغلى ئۆلدى، بۈگۈن سەن خەۋەر ئېلىپ بارمايسەن. باشقا كۈنى خەۋەر يەتكۈزسەڭ بولىدۇ، لېكىن بۈگۈن ئەمەس. شۇنىڭدىن كېيىن يوئاب كۇشلاردىن بىرىگە: _ سەن بېرىپ كۆرگەنلىرىڭنى پادىشاھقا ئېيتقىن، _ دېدى. ئۇ ئادەم يوئابقا تەزىم قىلدى-دە، يۈگۈرۈپ كەتتى. لېكىن زادوقنىڭ ئوغلى ئاخىمائاز يوئابقا يەنە: _ مەيلى نېمە بولسا بولسۇن، مېنىڭمۇ كۇشلاردىن بولغان ئاۋۇ ئادەم بىلەن بىللە بېرىشىمغا رۇخسەت قىلسىڭىز، _ دېگەنىدى. يوئاب: _ سەن نېمىشقا بارىمەن، دەپ تۇرۇۋالىسەن؟ ئوغلۇم، سەن خەۋەر يەتكۈزۈپ مۇكاپاتقا ئېرىشەلمەيسەن، _ دېدى. ئاخىمائاز يەنە: _ مەيلى نېمە بولسا بولسۇن، يۈگۈرۈپلا باراي! _ دەپ تۇرۇۋالدى. _ بوپتۇ بارغىن! _ دېدى يوئاب. شۇنىڭ بىلەن ئاخىمائاز ئىئوردان تۈزلەڭلىكىنى بويلاپ يۈگۈرۈپ، ھېلىقى كۇشلاردىن بولغان ئادەمدىن ئۆتۈپ كەتتى. داۋۇت بۇ چاغدا شەھەرنىڭ ئىچكىرىكى ۋە تاشقىرىقى دەرۋازىلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇراتتى. كۆزەتچى سېپىلنىڭ ئۈستىگە چىقتى. ئۇ دەرۋازىنىڭ ئۆگزىسىدە تۇرۇپ، ئەتراپقا قاراپ بىر ئادەمنىڭ يالغۇز يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى ۋە پادىشاھقا بۇ ھەقتە توۋلاپ خەۋەر يەتكۈزدى. پادىشاھ: _ ئۇ يالغۇز بولسا، چوقۇم ياخشى خەۋەر يەتكۈزگىلى كېلىۋاتقان ئادەم، _ دېدى. ئۇ ئادەم يېقىنلاپ كەلگەندە، كۆزەتچى يەنە بىر ئادەمنىڭ يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، دەرۋازىۋەنگە قاراپ: _ قاراڭلا، يەنە بىر ئادەم يالغۇز يۈگۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ! _ دەپ توۋلىدى. _ ئۇمۇ چوقۇم ياخشى خەۋەر يەتكۈزگىلى كېلىۋاتقان ئادەم، _ دېدى پادىشاھ. _ مېنىڭچە ئالدىدا يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقان ئادەمنىڭ يۈگۈرۈشى زادوقنىڭ ئوغلى ئاخىمائازنىڭ يۈگۈرۈشىگە ئوخشايدىكەن، _ دېدى كۆزەتچى. _ ئۇ ياخشى ئادەم، چوقۇم ياخشى خەۋەر ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ، _ دېدى پادىشاھ. ئاخىمائاز پادىشاھقا يۇقىرى ئاۋازدا: _ تىنچ-ئامان بولغايلا، _ دەپ توۋلىدى. ئۇ يەرگە باش قويۇپ پادىشاھقا تەزىم قىلغاندىن كېيىن، مۇنداق دېدى: _ پادىشاھ ئالىيلىرىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەنلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشلىرىغا مۇيەسسەر قىلغان پەرۋەردىگار خۇدالىرىغا ھەمدۇسانالار بولغاي. _ ياش يىگىت ئابسالوم ئامان-ئېسەنمۇ؟ _ دەپ سورىدى پادىشاھ. _ يوئاب كۇشلاردىن بولغان خىزمەتكارلىرىنى ۋە پېقىرنى يولغا سالغان چاغدا، قالايمىقانچىلىق بولۇپ كېتىپ نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمىدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى ئاخىمائاز. _ بوپتۇ ئەمىسە، بىر چەتتە كۈتۈپ تۇر، _ دېدى پادىشاھ ئۇنىڭغا. ئاخىمائاز بىر چەتكە بېرىپ تۇردى. شۇ ئارىلىقتا ھېلىقى كۇشلاردىن بولغان ئادەم يېتىپ كەلدى. _ پادىشاھ ئالىيلىرىغا ياخشى خەۋەر ئېلىپ كەلدىم. بۈگۈن پەرۋەردىگار ئۆزلىرىنى سىلىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرگەنلەر قولىدىن قۇتقۇزدى! _ دېدى ئۇ. پادىشاھ ئۇنىڭدىن: _ ياش يىگىت ئابسالوم تىنچ-ئامانمۇ؟ _ دەپ سورىدى، _ پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ، يەنى ئۆزلىرىگە قارشى چىققانلارنىڭ تەقدىرى ئاشۇ ياش يىگىتنىڭ تەقدىرىدەك بولغاي، _ دەپ جاۋاب بەردى كۇشلاردىن بولغان ھېلىقى ئادەم. پادىشاھ ھەسرەت ئىچىدە دەرۋازا ئۈستىدىكى بالىخانىغا چىقىپ، قايغۇرۇپ يىغلاپ كەتتى. ئۇ بالىخانىغا چىققاچ: _ ئوغلۇم ئابسالوم! سېنىڭ ئورنۇڭدا مەن ئۆلسەم بولماسمىدى ئوغلۇم، ئاھ جېنىم ئوغلۇم ئابسالوم، ئوغلۇم ئابسالوم! _ دەپ پەرياد قىلدى. يوئابقا «پادىشاھ داۋۇت ئابسالوم ئۈچۈن كۆز يېشى تۆكۈپ، ھازا تۇتۇۋاتىدۇ» دېگەن خەۋەر يېتىپ كەلدى. داۋۇتنىڭ ئادەملىرى پادىشاھنىڭ ئۆز ئوغلى ئۈچۈن ھازا تۇتۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغاندا، ئۇلارنىڭ شۇ كۈندىكى جەڭ غەلىبىسى قايغۇغا ئايلاندى. ئۇ كۈنى ئۇلار خۇددى جەڭگاھتىن شەرمەندىلەرچە قېچىپ كەلگەن لەشكەرلەردەك، شەھەرگە جىمجىت كىرىپ كېلىشتى. پادىشاھ يۈزىنى ئېتىۋېلىپ: _ ئاھ، ئوغلۇم ئابسالوم! ئوغلۇم، ئاھ جېنىم ئوغلۇم! _ دەپ ئۈنلۈك يىغلاۋاتاتتى. يوئاب ئۆيگە كىرىپ پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈپ مۇنداق دېدى: _ بۈگۈن ئۆزلىرىنىڭ، شۇنداقلا ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ، خوتۇنلىرىنىڭ ۋە توقاللىرىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزغان بارلىق ئادەملىرىنى خىجالەتچىلىككە قويدىلا. سىلى ئۆزلىرىگە ئۆچ ئادەملەرگە ئامراق، ئامراق ئادەملەرگە ئۆچ ئىكەنلا. بۈگۈن سەركەردە ۋە لەشكەرلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئالدىلىرىدا ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدىلا. مەن شۇنى بىلدىمكى، ئەگەر بۈگۈن ئابسالوم ھايات قېلىپ، قالغانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ كەتكەن بولساق، سىلى خۇشال بولىدىكەنلا. ئەمدى تاشقىرىغا چىقىپ، ئادەملىرىنىڭ كۆڭلىنى ئالغايلا. مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر چىقمىسىلا، بۈگۈن كېچە يانلىرىدا بىرمۇ ئادەم قالمايدۇ. بۇ ئىش ياشلىقلىرىدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە، ھاياتلىرىدا باشلىرىغا كەلگەن ئەڭ چوڭ بالا-قازا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئورنىدىن قوپۇپ، دەرۋازا ئالدىغا بېرىپ ئولتۇردى. پۈتۈن خەلق پادىشاھنىڭ شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا ئولتۇرغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا يېتىپ كېلىشتى. ئابسالومغا ئەگەشكەن ئىسرائىللار بولسا ئۆيلىرىگە قېچىپ كەتتى. ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىدىن بولغان كىشىلەر ئۆزئارا تالاش-تارتىش قىلىشىپ: «پادىشاھ بىزنى دۈشمەنلىرىمىزدىن خالاس قىلغان، فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغان. ئۇ ئابسالومدىن قېچىپ، يۇرتتىن كېتىپ قالغان. بىز ئۆزىمىزگە باش قىلىپ تەيىنلىگەن ئابسالوم جەڭگاھتا ئۆلۈپتۇ. ئەمدى نېمىشقا داۋۇتنىڭ قايتىپ كېلىپ بىزگە پادىشاھ بولۇشىنى تەلەپ قىلمايمىز؟» دېيىشتى. ئىسرائىللارنىڭ سۆزلىرى داۋۇت پادىشاھنىڭ قۇلىقىغا يەتتى. ئۇ روھانىي زادوق بىلەن ئەبىياتارنى يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ ئاقساقاللىرىدىن: «سىلەر نېمىشقا پادىشاھنى ئوردىسىغا قايتۇرۇپ كېلىشتە كەينىدە قېلىۋاتىسىلەر؟ سىلەر مېنىڭ جىگىرىم، قان قېرىنداشلىرىم تۇرۇقلۇق نېمىشقا مېنى قايتۇرۇپ كېلىشتە سۇسلۇق قىلىسىلەر؟» دەپ سوراپ كېلىشكە ئەۋەتتى. داۋۇت ئۇلارغا يەنە: «سەن مېنىڭ جىگىرىم، قان قېرىندىشىم. سېنى ھازىردىن باشلاپ يوئابنىڭ ئورنىغا قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى قىلمىسام، خۇدا مېنى ئېغىر جازالىسۇن!» دېگەن سۆزلەرنى ئاماساغا يەتكۈزۈشنى تاپىلىدى. شۇنداق قىلىپ، داۋۇت يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىگە مايىل قىلدى. يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر پادىشاھقا: «ھەممە ئادەملىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، قايتىپ كەلسىلە» دەپ خەۋەر بېرىشتى. پادىشاھ قايتىپ، ئىئوردان دەرياسى بويىغا يېتىپ كەلدى. ئۇ «پادىشاھنى قارشى ئېلىپ، ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزەيلى» دەپ، گىلگالغا كەلگەن يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى. بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان گېرانىڭ ئوغلى باخۇرىملىق شىمئى يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە پادىشاھ داۋۇتنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، ئىئوردان دەرياسى بويىغا بېرىشقا ئالدىرىدى. ئۇنىڭ يېنىدا بىنيامىن قەبىلىسىدىن مىڭ كىشى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە سائۇل ئائىلىسىنىڭ خىزمەتكارى زىبا، ئۇنىڭ ئون بەش ئوغلى ۋە يىگىرمە خىزمەتكارى بار ئىدى. ئۇلار پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئىئوردان دەرياسى بويىغا تېزدىن يېتىپ بېرىشتى. ئۇلار: «پادىشاھ جەمەتىنى دەريادىن ئۆتكۈزەيلى، ئۇنىڭ ھەممە تەلەپلىرىنى ئورۇندايلى» دەپ، دەريا كېچىكىنىڭ ئۇ قىرغىقىغا ئۆتۈشتى. بۇ چاغدا پادىشاھ دەريادىن ئۆتەي دەپ تۇراتتى، گېرانىڭ ئوغلى شىمئى پادىشاھنىڭ ئالدىدا تەزىم قىلىپ: _ ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، يېرۇسالېمدىن چىققان كۈنى پېقىرلىرى ئۆتكۈزگەن گۇناھنى ماڭا ھېساب قىلمىغايلا، ئۇنى ئەسلىرىدە ساقلىماي، كۆڭۈللىرىدىن چىقىرىۋەتكەيلا. پېقىر گۇناھ قىلغانلىقىمنى بىلدىم، شۇڭا ئىسرائىلىيە قەبىلىلىرى ئىچىدە بىرىنچى بولۇپ پادىشاھ ئالىيلىرىنى كۈتۈۋېلىشقا كەلدىم، _ دېدى. بۇ چاغدا مەزلۇم زىرۇيانىڭ ئوغلى ئابىشاي: _ پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھنى قارغىغانلىقى ئۈچۈن شىمئى ئۆلتۈرۈلسۇن، _ دېدى. لېكىن داۋۇت: _ ئى زىرۇيانىڭ ئوغۇللىرى، كىم سىلەرنىڭ پىكرىڭلارنى سوراپتۇ؟! بۈگۈن خۇددى دۈشمىنىمدەك ئىش قىلىۋاتىسىلەر، مەن ھازىر ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھىدۇرمەن. بۈگۈن ئىسرائىلىيەدە ھېچكىم ئۆلتۈرۈلمەيدۇ، _ دېدى ۋە شىمئىگە قاراپ قەسەم ئىچىپ: _ سەن ھەرگىز ئۆلتۈرۈلمەيسەن، _ دېدى. سائۇلنىڭ نەۋرىسى مىفىبوشەتمۇ پادىشاھنى كۈتۈۋېلىشقا كەلگەنىدى. ئۇ پادىشاھ قاچقان كۈندىن تاكى پادىشاھ ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلگەن كۈنگىچە، يا پۇتلىرىنى، يا كىيىملىرىنى يۇيمىغان، يا ساقال-بۇرۇتلىرىنىمۇ ئالدۇرمىغانىدى. ئۇ يېرۇسالېمدىن پادىشاھنى كۈتۈۋېلىشقا كەلگەندە پادىشاھ ئۇنىڭدىن: _ ئى مىفىبوشەت، سەن نېمىشقا مەن بىلەن بىللە كەتمىدىڭ؟ _ دەپ سورىدى. بوۋامنىڭ پۈتۈن جەمەتىدىكىلەر پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ ئالدىدا ئۆلۈمگە مەھكۇم كىشىلەردۇر، ئەمما ئۆزلىرى ماڭا داستىخانلىرىدىن تائام يېيىش ئىمتىيازىنى بەردىلە. مېنىڭ ئۆزلىرىدىن بۇنىڭدىن ئارتۇق بىر نەرسە سوراشقا يەنە نېمە ھەققىم بولسۇن؟ _ دەپ جاۋاب بەردى مىفىبوشەت. _ ئۆز ئىشلىرىڭ توغرۇلۇق ئېيتقىنىڭ يېتەر، _ دېدى پادىشاھ، _ سائۇلنىڭ زېمىنىنى زىبا ئىككىڭلار تەڭ بۆلۈۋېلىڭلار، دەپ بۇيرۇيمەن. مىفىبوشەت بولسا پادىشاھقا: _ پادىشاھ ئالىيلىرى، ئوردىغا ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلدىلە، شۇنىڭ ئۆزى ماڭا كۇپايە. ھەممە زېمىننى زىبا ئالسۇن، _ دېدى. گىلئادلىق بارزىللايمۇ پادىشاھنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈپ قويۇش ئۈچۈن روگىلىمدىن كەلگەنىدى. بارزىللاي سەكسەن ياشقا كىرگەن، ناھايىتى ياشىنىپ قالغان ئادەم ئىدى. ئۇ باي ئادەم بولۇپ، پادىشاھ ماخانايىمدا تۇرغان چېغىدا، پادىشاھنى ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن تەمىنلەپ تۇرغانىدى. _ دەريادىن مەن بىلەن بىللە ئۆتۈپ، يېرۇسالېمغا بېرىڭ، _ دېدى پادىشاھ بارزىللايغا، _ مەن ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالىمەن. لېكىن بارزىللاي پادىشاھقا: _ سىلى بىلەن يېرۇسالېمغا بارغۇدەك، يەنە قانچىلىك ئۆمرۈم قالدى دەيلا؟ مەن سەكسەن ياشقا كىردىم، مەن ئۈچۈن ھازىر جاپا بىلەن راھەتنىڭ پەرقى يوق. يەپ-ئىچكەننىڭ تەمىنى سېزەلمەيمەن، ئەر-ئايال ناخشىچىلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالمايمەن. شۇنداق ئىكەن مەن نېمىدەپ يەنە پادىشاھ ئالىيلىرىغا يۈك بولاي؟ مەن پەقەت سىلىنى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرىگە بىر ئاز ھەمراھ بولاي دېدىم، خالاس. مەن ئۇنچىلىك مۇكاپاتلىنىشقا ئەرزىمەيمەن. ئۆز شەھىرىمدە ئۆلۈپ، ئاتا-ئانامنىڭ يېنىدا يېتىشىم ئۈچۈن، قايتىپ كېتىشىمگە رۇخسەت بەرگەيلا. مانا، بۇ يەردە ئوغلۇم كىمھام تۇرۇپتۇ، ئۇ سىلىنىڭ خىزمەتلىرىدە بولسۇن. ئۇنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە ئېلىپ ماڭغايلا. ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى مۇۋاپىق دەپ كۆرسىلە، شۇنداق مۇئامىلە قىلغايلا! _ دېدى. _ كىمھام مەن بىلەن بىللە دەريادىن ئۆتسۇن. ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى خالىسىڭىز، شۇنداق مۇئامىلە قىلاي. مەندىن ئۆزىڭىز ئۈچۈن نېمىنى تەلەپ قىلسىڭىز، شۇنى بەجا كەلتۈرەي، _ دېدى پادىشاھ. شۇنىڭدىن كېيىن، پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ ھەممىسى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتتى. پادىشاھ بارزىللاينى سۆيۈپ ئۇنىڭغا بەخت تىلىدى. ئاندىن بارزىللاي ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەتتى. پادىشاھ دەريادىن ئۆتۈپ، گىلگالغا قاراپ كەتتى. كىمھاممۇ پادىشاھ بىلەن بىللە ئىدى. پۈتۈن يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر ۋە ئىسرائىللارنىڭ يېرىمى پادىشاھنىڭ سەپىرىدە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدى. پۈتۈن ئىسرائىللار پادىشاھنىڭ يېنىغا كېلىپ، نارازىلىق بىلدۈرۈپ: _ نېمە ئۈچۈن بۇرادەرلىرىمىز بولغان يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر سىلىنى ئېلىپ قېچىپ، ئادەملىرى شۇنداقلا خوتۇن ۋە بالا-چاقىلىرى بىلەن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزىدۇ؟ _ دېيىشتى. پۈتۈن يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر ئىسرائىللارغا: _ داۋۇت پادىشاھ بىزنىڭ قان قېرىندىشىمىز بولغاچقا شۇنداق قىلدۇق. سىلەر نېمىدەپ بۇ ئىشقا خاپا بولىسىلەر؟ بىز پادىشاھنىڭ ھېسابىغا بىر نەرسە يەپتۇقمۇ؟ ياكى پادىشاھ بىزگە بىرەر ئىنئام بېرىپتىمۇ؟ _ دېدى. _ ئىسرائىلىيەنىڭ ئون قەبىلىسى بار، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەرگە، _ شۇڭا سىلەرگە قارىغاندا داۋۇت پادىشاھتا بىزنىڭ ئون ھەسسە ھەققىمىز بار. شۇنداق ئىكەن، سىلەر نېمىشقا بىزنى مەنسىتمەيسىلەر؟ يەنە كېلىپ «پادىشاھىمىزنى قايتۇرۇپ كېلەيلى» دەپ، بىز بىرىنچى بولۇپ ئېيتقان ئەمەسمىدۇق؟ مۇنازىرە جەريانىدا، يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ سۆزلىرى ئىسرائىللارنىڭكىگە قارىغاندا قوپال بولدى. شۇ چاغدا بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بىكرىنىڭ ئوغلى شىبا دېگەن بىر ئوسال ئادەم شۇ يەردە ئىدى. ئۇ بۇرغا چېلىپ: «يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ بىزگە ئۆتكۈزۈپ قويغىنى يوق، بىزنىڭ ھەم ئۇنىڭدا قەرزىمىز يوق. ھەي ئىسرائىللار، ھەممىمىز ئۆز ئۆيلىرىمىزگە قايتايلى!» دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن بارلىق ئىسرائىل خەلقى داۋۇتنى تاشلاپ، بىكرىنىڭ ئوغلى شىباغا ئەگىشىپ كەتتى. يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر بولسا ئۆزلىرىنىڭ پادىشاھىغا سادىق بولۇپ، ئىئوردان دەرياسىدىن يېرۇسالېمغا قەدەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلدى. داۋۇت پادىشاھ يېرۇسالېمدىكى ئوردىسىغا قايتىپ كېلىپ، ئوردىنى ساقلاشقا قالدۇرغان ئون توقالنى مەخسۇس بىر ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، نەزەربەند ئاستىغا ئالدى. داۋۇت پادىشاھ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا قارىدى، لېكىن بىرەرسى بىلەن بىللە بولمىدى. ئۇلار تاكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە نەزەربەند ئاستىدا تۇل خوتۇنلاردەك ياشىدى. شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت پادىشاھ ئۆز قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى ئاماساغا: _ ئۈچ كۈن ئىچىدە يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەرنى ھۇزۇرۇمغا جەم قىل. ئۆزۈڭمۇ بۇ يەردە بول، _ دېدى. ئاماسا يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەرنى جەم قىلغىلى كەتتى. لېكىن ئۇ بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە قايتىپ كەلمىدى. شۇڭا داۋۇت ئابىشايغا: _ بىكرىنىڭ ئوغلى شىبا بىزگە ئابسالومدىنمۇ ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. سەن ئادەملىرىمنى باشلاپ بېرىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلا. بولمىسا ئۇ سېپىللىرى مۇستەھكەم بىر شەھەرنى تېپىپ كىرىۋېلىپ، يوشۇرۇنۇۋالىدۇ، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن يوئابنىڭ ئادەملىرى، كىرېتلەر بىلەن پىلېتلەردىن تەركىب تاپقان ياساۋۇللار ۋە باھادىرلار ئابىشاي ۋە يوئابقا ئەگىشىپ، يېرۇسالېمدىن يولغا چىقىپ، بىكرىنىڭ ئوغلى شىبانى قوغلاپ ماڭدى. ئۇلار گىبئوندىكى قورام تاشنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئاماسا ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقتى. يوئاب جەڭ كىيىملىرىنى كىيگەن بولۇپ، بېلىگە غىلاپلىق خەنجەر ئېسىلغان كەمەر باغلىغانىدى. ئۇ ئالدىغا قاراپ ماڭغاندا خەنجەر سىيرىلىپ چۈشۈپ قالدى. _ ياخشىمۇسەن قېرىندىشىم، _ دېدى يوئاب ئاماساغا ۋە ئۇنىڭ يۈزىنى سۆيۈش ئۈچۈن ئوڭ قولى بىلەن ئۇنىڭ ساقىلىنى تۇتتى. ئاماسا يوئابنىڭ سول قولىدىكى خەنجەرنى بايقىمىدى. شۇ چاغدا يوئاب خەنجىرىنى ئۇنىڭ قورسىقىغا تىقىۋەتتى. ئۇنىڭ ئۈچەي-قېرىنلىرى يەرگە شالاقلاپ چۈشتى. ئاماساغا ئىككىنچى خەنجەر ئۇرۇشنىڭ ئورنى قالمىدى. ئۇنىڭ جېنى دەرھال چىقتى. شۇنىڭدىن كېيىن يوئاب ۋە ئاكىسى ئابىشايلار بىكرىنىڭ ئوغلى شىبانى داۋاملىق قوغلاشقا ماڭدى. يوئابنىڭ ئادەملىرىدىن بىر ياش يىگىت ئاماسانىڭ جەسىتى يېنىدا تۇرۇپ: _ كىم يوئاب بىلەن داۋۇت تەرەپتە تۇرسا، يوئابنىڭ ئارقىسىدىن ماڭسۇن! _ دېدى. ئاماسانىڭ جەسىتى ئۆز قېنىغا مىلىنىپ، چوڭ يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا ياتاتتى. ھېلىقى ياش يىگىت ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ھەربىر ئادەمنىڭ جەسەتنى كۆرگەندە ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، جەسەتنى يولدىن سۆرەپ ئېتىزغا ئاپىرىپ، ئۈستىنى بىر چاپان بىلەن يېپىپ قويدى. جەسەت چوڭ يولدىن يۆتكىۋېتىلگەندىن كېيىن، ھەممەيلەن يوئابقا ئەگىشىپ، بىكرىنىڭ ئوغلى شىبانىڭ كەينىدىن قوغلاپ كەتتى. شۇ ئەسنادا، شىبا بارلىق ئىسرائىلىيە قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ، بەيت-مائاكادىكى ئابېل شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. بىكرى قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ، شىباغا ئەگىشىپ شەھەرگە بىللە كىرگەنىدى. يوئاب ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى شىبانىڭ بەيت-مائاكادىكى ئابېل شەھىرىدە ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇ يەرگە بېرىپ، شەھەرنى قامال قىلىۋالدى. ئۇلار شەھەر سېپىلىگە يۆلەپ توپا دۆۋىلىدى ۋە سېپىلنى ئۇرۇپ بۇزۇشقا باشلىدى. شۇ پەيتتە بىر دانا ئايال شەھەر ئىچىدىن: _ ئاڭلاڭلار، ئاڭلاڭلار! يوئابقا دەڭلار، بۇ ياققا كەلسۇن، ئۇنىڭغا دەيدىغان گېپىم بار! _ دەپ توۋلىدى. يوئاب ھېلىقى ئايالغا يېقىنراق كەلدى. _ سىلى يوئاب بولاملا؟ _ دەپ سورىدى ئايال. _ ھە، مەن شۇ، _ دېدى يوئاب. _ دېدەكلىرىنىڭ گېپىگە قۇلاق سالغايلا! _ دېدى ئايال. _ ھە، ئاڭلاۋاتىمەن! _ دېدى يوئاب. ئايال گېپىنى داۋام قىلىپ: _ قەدىمكىلەر: «مەسلىھەتنى ئابېلدا ئال، بارلىق دەۋالار ئۇندا ھەل بولار» دەپتىكەن. بىز ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىقپەرۋەر، سادىق كىشىلىرىدىنمىز. سىلى ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ئانا شەھىرىنى ۋەيران قىلماقچى بولدىلا. سىلى نېمىدەپ پەرۋەردىگارغا تەۋە بولغاننى يوق قىلماقچى بولۇۋاتىلا؟ _ دېدى. _ خۇدا ساقلىسۇن! _ دېدى يوئاب، _ مەن بۇ شەھەرنى ھەرگىز ۋەيران قىلماقچى ياكى يوق قىلماقچى ئەمەسمەن. ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىن بولغان بىكرىنىڭ ئوغلى شىبا دېگەن بىر ئادەم داۋۇت پادىشاھقا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەنىدى. پەقەت شۇ بىر كىشىنى تاپشۇرۇپ بەرسەڭلارلا بولدى، مەن بۇ شەھەردىن كېتىمەن. _ بولىدۇ ئەمىسە، ئۇ ئادەمنىڭ كاللىسىنى سېپىلدىن سىلىگە تاشلاپ بېرىمىز، _ دېدى ئايال. شۇنىڭ بىلەن ئايال پۈتۈن شەھەر ئەھلىگە ئۆزىنىڭ دانا سۆزلىرىنى يەتكۈزدى. ئۇلار بىكرىنىڭ ئوغلى شىبانىڭ كاللىسىنى كېسىۋېلىپ، يوئابقا تاشلاپ بەردى. يوئاب بۇرغىسىنى چېلىشى بىلەن ئادەملىرى شەھەردىن چىقىپ، ئۆز ئۆيلىرىگە قايتىشتى. يوئاب يېرۇسالېمغا، يەنى داۋۇت پادىشاھنىڭ يېنىغا كەتتى. يوئاب پۈتكۈل ئىسرائىلىيە قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى، يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا كىرېتلەر بىلەن پىلېتلەردىن تەركىب تاپقان ياساۋۇللارنىڭ قوماندانى، ئادورام ھاشارچىلارنى باشقۇرغۇچى، ئاخىلۇدنىڭ ئوغلى يىھوشافات تەزكىرىچى، شىۋا پۈتۈكچى، زادوق بىلەن ئەبىياتار روھانىي ئىدى. يائىرلىق ئىرا بولسا داۋۇتنىڭ خۇسۇسىي روھانىيسى ئىدى. داۋۇت تەختتىكى ۋاقتىدا ئۇدا ئۈچ يىل ئاچارچىلىق بولدى؛ داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ، ئىلتىجا قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سائۇل گىبئونلۇقلارنى قىرغىن قىلغان. بۇ ئاچارچىلىققا سائۇل ۋە ئۇنىڭ جەمەتىدىكىلەرنىڭ ئاشۇ قانخورلۇقى سەۋەبلىكتۇر، _ دېدى. گىبئونلۇقلار ئامورلارنىڭ قالدۇقلىرى بولۇپ، ئىسرائىللاردىن ئەمەس ئىدى. ئىسرائىللار ئىلگىرى ئۇلارنى ئۆلتۈرمەسلىككە قەسەم قىلغان بولسىمۇ، لېكىن سائۇل ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقى ئۈچۈن قىزىققانلىق بىلەن گىبئونلۇقلارنى يوقاتماقچى بولغان. داۋۇت پادىشاھ گىبئونلۇقلارنى چاقىرتىپ كېلىپ ئۇلاردىن: _ مەن سىلەرگە نېمە قىلىپ بېرەي؟ پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىگە بەخت تىلىشىڭلار ئۈچۈن بۇ گۇناھنى قانداق يۇياي؟ _ دەپ سورىدى. _ بىز سائۇل ۋە ئۇنىڭ جەمەتىدىكىلەردىن نە ئالتۇن، نە كۈمۈش تەلەپ قىلمايمىز، بىزنىڭ ئىسرائىللاردىن بىرەرسىنى ئۆلتۈرۈلۈش ھوقۇقىمىزمۇ يوق، _ دەپ جاۋاب بەردى گىبئونلۇقلار. _ ئۇنداقتا، سىلەر نېمىنى تەلەپ قىلساڭلار، مەن شۇنى سىلەرگە بەجا كەلتۈرۈپ بېرەي، _ دېدى داۋۇت پادىشاھ. ئۇلار داۋۇتقا: _ سائۇل بىزنى ئىسرائىلىيە تەۋەسىدە ياشىمىسۇن دەپ، قىرىپ يوقىتىشنى مەقسەت قىلغانىدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئەۋلادىدىن يەتتە ئەر كىشى بىزگە تاپشۇرۇپ بېرىلسۇن. بىز ئۇلارنى پەرۋەردىگار گۇۋاھ بولسۇن دەپ، گىبئاھتا، يەنى پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھ سائۇلنىڭ شەھىرىدە قەتل قىلىمىز، _ دېدى. _ بولىدۇ، مەن ئۇلارنى قولۇڭلارغا تاپشۇرۇپ بېرەي، _ دېدى داۋۇت پادىشاھ. سائۇلنىڭ نەۋرىسى، يەنى يوناتاننىڭ ئوغلى مىفىبوشەتكە داۋۇت پادىشاھنىڭ ئىچى ئاغرىدى، چۈنكى ئۇ، پەرۋەردىگار گۇۋاھ بولسۇن دەپ، سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان بىلەن قەسەم ئىچكەنىدى. سائۇلنىڭ ئارمونى ۋە مىفىبوشەت دېگەن ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۇلار ئايياھنىڭ قىزى رىزپاھتىن تۇغۇلغانىدى. سائۇلنىڭ قىزى مېراب مىخولالىق بارزىللاينىڭ ئوغلى ئادرائىلدىن بەش ئوغۇل كۆرگەنىدى. داۋۇت بۇ ئوغۇللارنىڭ ھەممىسىنى گىبئونلۇقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى. گىبئونلۇقلار بۇ يەتتە ئوغۇلنى تاغدا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قەتل قىلدى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىرگە جان بەردى. بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندە، ئارپا ئورمىسى ئەمدى باشلانغانىدى. ئايياھنىڭ قىزى رىزپاھ جەسەتلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ، بىر قورام تاشنىڭ ئۈستىگە بۆز رەخت يايدى. ئۇ ئورما باشلانغاندىن تارتىپ تاكى ئورما تۈگەپ، جەسەتلەرنىڭ ئۈستىگە ئاسماندىن يامغۇر ياغقانغا قەدەر جەسەتلەرنى كۈندۈزى قاغا-قۇزغۇنلاردىن، كېچىسى ياۋايى ھايۋانلاردىن قوغدىدى. ئايياھنىڭ قىزى، يەنى سائۇلنىڭ توقىلى رىزپاھنىڭ قىلغان بۇ ئىشلىرى توغرىسىدىكى خەۋەر داۋۇتقا يېتىپ كەلگەندە، داۋۇت گىلئادتىكى يابېشلارنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ، سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئوغلى يوناتاننىڭ ئۇستىخانلىرىنى ئالدى. (فىلىستىيەلىكلەر گىلبوۋا تېغىدا سائۇلنى ئۆلتۈرگەن كۈنى، ئۇنىڭ ۋە ئوغلىنىڭ جەسىتىنى بەيتشان مەيدانىغا ئېسىپ قويغانىدى. گىلئادتىكى يابېشلار ئۇ ئىككىسىنىڭ جەسىتىنى ئۇ يەردىن ئوغرىلاپ كەتكەنىدى.) داۋۇت سائۇل بىلەن يوناتاننىڭ ئۇستىخانلىرىنى ئۇ يەردىن ئەكەلدى، ئۇ يەنە قەتل قىلىنغان يەتتە كىشىنىڭ ئۇستىخانلىرىنىمۇ ئەكەلدۈردى. ئاندىن داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى بۇ ئۇستىخانلارنى بىنيامىن يۇرتىدىكى زېلادا سائۇلنىڭ ئاتىسى كىشنىڭ قەبرىستانلىقىغا قويدى. شۇنداق قىلىپ، پادىشاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىجرا قىلىندى. بۇ ئىشلاردىن كېيىن، خۇدا خەلقىنىڭ ئۆز زېمىنلىرى ئۈچۈن قىلغان دۇئالىرىغا جاۋاب بەردى. فىلىستىيەلىكلەر بىلەن ئىسرائىللار ئوتتۇرىسىدا يەنە ئۇرۇش بولدى. داۋۇت ئۆز ئادەملىرى بىلەن بىرلىكتە فىلىستىيەلىكلەرگە قارشى ئۇرۇشقا ئاتلاندى. ئەمما ئۇرۇش جەريانىدا داۋۇت ھالسىراپ كەتتى. رافاھ خەلقىدىن بولغان يىشبى-بىنوب ئىسىملىك بىر پالۋان داۋۇتنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى. ئۇنىڭ نەيزىسىنىڭ ئۇچىنىڭ ئېغىرلىقى ئۈچ يېرىم كىلو كېلەتتى، ئۇ يەنە بېلىگە يېڭى قىلىچ ئېسىۋالغانىدى. ئەمما مەزلۇم زىرۇيانىڭ ئوغلى ئابىشاي داۋۇتقا ياردەم بەردى. ئابىشاي ھېلىقى فىلىستىيەلىك پالۋان بىلەن ئېلىشىپ، ئۇنى ئۆلتۈردى. بۇ چاغدا داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭغا: _ ئىسرائىلىيەنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرۈپ قويماسلىقىمىز ئۈچۈن، بۇنىڭدىن ئېتىبارەن سىلى جەڭگە قاتناشسىلىرى بولمايدۇ، _ دېيىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن، گوب دېگەن يەردە فىلىستىيەلىكلەر بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇرۇش بولدى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا خۇشاھلىق سىببىكاي رافاھ خەلقىدىن بولغان ساف ئىسىملىك بىر پالۋاننى ئۆلتۈردى. گوبتا يۈز بەرگەن فىلىستىيەلىكلەر بىلەن بولغان يەنە بىر ئۇرۇشتا بەيتلەھەملىك يائىرنىڭ ئوغلى ئەلخانان گاتلىق گولياتنىڭ قېرىندىشىنى ئۆلتۈردى. بۇ ئادەمنىڭ نەيزىسىنىڭ دەستىسى دەستىگاھنىڭ ئوقىدەك توم ئىدى. كېيىن گاتتا يەنە بىر مەيدان ئۇرۇش بولدى. بۇ ئۇرۇشقا ناھايىتى بەستلىك بىر ئادەم قاتناشقان بولۇپ، ئۇنىڭ قول ۋە پۇتىدا ئالتىدىن، جەمئىي يىگىرمە تۆت بارماق بار ئىدى. ئۇمۇ رافاھ خەلقىدىن ئىدى. بۇ ئادەم ئىسرائىللارنى ھاقارەتلىگەنلىكى ئۈچۈن، داۋۇتنىڭ ئاكىسى شامماھنىڭ ئوغلى يوناتان ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. بۇ تۆت فىلىستىيەلىك پالۋان گات شەھىرىدىكى رافاھ خەلقىدىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. پەرۋەردىگار داۋۇتنى بارلىق دۈشمەنلىرى ۋە پادىشاھ سائۇلنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغان كۈنى داۋۇت بۇ مۇناجاتنى پەرۋەردىگارغا ئوقۇغان: ئىلتىجا قىلسام مەدھىيەلەر ئىگىسى پەرۋەردىگارغا، دۈشمەنلىرىم قوللىرىدىن قۇتقۇزۇلارمەن شۇندىلا. ئۆلۈم دولقۇنلىرى ئورىۋالدى مېنى، ھالاكەت سەللىرى چۈمكىدى مېنى. گۆرىستان تانىلىرىدا باغلاندىم، ئۆلۈم تۇزاقلىرىغا دۇچ كەلدىم. ئېغىر كۈلپەت ئارا ئىلتىجا قىلدىم پەرۋەردىگارغا، ياردەم تەلەپ قىلدىم پەرياد كۆتۈرۈپ خۇدايىمغا. ئاۋازىمنى ئاڭلىدى پەرۋەردىگار دەرگاھىدا، ئاھۇزارىم يېتىپ باردى ئۇنىڭ قۇلىقىغا. شۇ چاغ زېمىن سىلكىنىپ، يەر تەۋرىدى، ئەرشنىڭ ئۇلى تىترەپ، مىدىرلىدى، چۈنكى خۇدا دەرغەزەپكە كەلگەنىدى. چىقتى خۇدانىڭ بۇرنىدىن ئىس-تۈتەكلەر، ئېتىلدى خۇدانىڭ ئاغزىدىن ئوت-لاۋىلار، لاۋۇلداپ كۆيەتتى ھەتتا قىپقىزىل چوغلار. كۆكنى يېرىپ يەر تامان چۈشكەندە خۇدا، تۇراتتى قارا بۇلۇتلار ئايىغىنىڭ ئاستىدا. ئۇ مىنىپ ئۇچتى بىر «كېرۇب »قا، پەرۋاز قىلدى شامالنىڭ قاناتلىرىدا. يېپىنچا قىلغانىدى ئۇ قاراڭغۇلۇقنى، يامغۇرنىڭ قويۇق، قارا بۇلۇتلىرى قورشاپ تۇراتتى ئۇنى. يورۇتقانىدى ئالدىنى پارلاق نۇرى، ياغدۇرۇپ مۆلدۈر ۋە قىپقىزىل چوغلارنى. پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى گۈلدۈرلەپ ئاسماندا ياڭرىتىپ ئاۋازىنى بۈيۈك خۇدا. تارقىتىۋەتتى خۇدا دۈشمەنلىرىنى، ياغدۇرۇپ ئوقلىرىنى، چاقماقلار چاقتۇرۇپ تىرىپىرەن قىلىپ ئۇلارنى. پەرۋەردىگارنىڭ تەنبىھىدىن، قەھرلىك تىنىقىڭنىڭ زەربىسىدىن، كۆرۈنۈپ قالدى دېڭىزنىڭ تېگى، ئېچىلىپ قالدى زېمىننىڭ ئۇلى. پەرۋەردىگار كۆكتىن سۇنۇپ قولىنى، چوڭقۇر سۇلاردىن تارتىپ ئالدى مېنى. قۇتقۇزدى مېنى ۋەھشىي دۈشمىنىمدىن، ماڭا ئۆچ بولغانلاردىن، چۈنكى ئۇلار كۈچلۈك ئىدى مەندىن. ئاپەتلىك كۈنلىرىمدە ھۇجۇم قىلدى ئۇلار ماڭا، پەرۋەردىگار يار-يۆلىكىم بولدى ئەمما. ئۇ مەندىن خۇرسەن بولغاچ نىجاتلىق بەردى ماڭا، ئېلىپ چىقتى مېنى ھەم بىخەتەر جايغا. ھەققانىيلىقىم ئۈچۈن ياخشىلىق قىلدى پەرۋەردىگار، قولۇمنىڭ پاكلىقىدىن ئىنئام بەردى ماڭا. چۈنكى مېڭىپ كەلدىم پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا، رەزىللىك قىلىپ، ئاسىيلىق قىلمىدىم خۇدايىمغا. كۆز ئالدىمدا بولدى دائىم ئۇنىڭ بارلىق ھۆكۈملىرى، بىر ياققا قايرىپ قويمىدىم ھەم ئۇنىڭ پەرمانلىرىنى. ئۇنىڭ ئالدىدا غۇبارسىز بولدۇم، ئۆزۈمنى گۇناھ قىلىشتىن ساقلىدىم. مەن پاك، ھەققانىي بولغاچقا، پەرۋەردىگار ئىنئام بەردى ماڭا. ۋاپادارلارغا كۆرسىتىسەن ۋاپادارلىقىڭنى، ھەققانىي ئادەملەرگە ھەققانىيلىقىڭنى. پاكلىقىڭنى كۆرسىتىسەن پاك ئادەملەرگە، لايىقىدا جاۋاب قايتۇرىسەن نىيىتى ئەگرىلەرگە. قۇتقۇزىسەن چارىسىز، بىچارىلارنى، كۆزىتىپ، يەرگە ئۇرىسەن ھاكاۋۇرلارنى. پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ ھاياتلىق چىرىغىمسەن، پەرۋەردىگار، زۇلمىتىمنى يورۇقلۇققا ئايلاندۇرىسەن. ساڭا تايىنىپ، دۈشمەن قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلالايمەن، ئى خۇدايىم، ياردىمىڭدە سېپىللاردىن بۆسۈپ ئۆتەلەيمەن. خۇدانىڭ يولى مۇكەممەل يولدۇر، ئۇنىڭ ئېيتقان سۆزلىرى ھەقىقەتتۇر. پاناھ ئىزدىگۈچىلەرگە خۇدا بىر قالقاندۇر. پەرۋەردىگاردىن باشقا كىمدۇر خۇدا؟ خۇدايىمىزدىن باشقا كىم بولار قورام تاشتەك باشپاناھ؟ خۇدادۇر مۇستەھكەم قورغىنىم، يولۇمنى ئەيىب-نۇقسانسىز قىلغۇچى. كېيىكنىڭكىدەك يۈگۈرۈك قىلىپ ئۇ پۇتلىرىمنى، ئېگىز تاغلاردا ھەم مەزمۇت تۇرغۇزدى مېنى. قوللىرىمنى ئۆگەتتى ئۇ جەڭ قىلىشقا، بىلەكلىرىمنى تۇچ ئوقيانى تارتىشقا. ئى ئىگەم، بەردىڭ ماڭا نىجاتلىق قالقىنىڭنى، مۇلايىملىقىڭ يۈكسەك قىلدى مېنى، بىخەتەر قىلغاچ سەن باسقان ھەربىر قەدىمىمنى، تېيىلماستىن مېڭىپ يۈرىمەن يوللىرىمنى. قوغلاپ يۈرۈپ ھالاك قىلدىم دۈشمەنلىرىمنى، قايتمىدىم كەينىمگە يوقاتماستىن ئۇلارنى. مەن ئۇلارنى يانجىۋەتتىم، تۇرالماس قايتا، يىقىلدى ئۇلار پۇتلىرىمنىڭ ئاستىغا. جەڭگە باغلىدىڭ كۈچ-قۇدرەت بىلەن بېلىمنى، باش ئەگدۈردۈڭ پۇتلىرىمغا ماڭا ھۇجۇم قىلغانلارنى. چېكىنىشكە مەجبۇر قىلدىڭ رەقىبلىرىمنى، يوقاتتىم ماڭا ئۆچ بولغانلارنى. ئۇلار تۆت كۆز بىلەن ئىزدىسىمۇ، چىقمىدى قۇتقۇزىدىغانلار، نالە قىلىپ يالۋۇرسىمۇ جاۋاب بەرمىدى پەرۋەردىگار. ئېزىۋەتتىم ئۇلارنى يەردىكى تۇپراقدەك، چەيلىۋەتتىم ئۇلارنى كوچىدىكى پاتقاقتەك. خەلقىم بىلەن قارشىلىشىشتىن مۇستەسنا قىلدىڭ مېنى. باش قىلىپ كەلدىڭ مېنى يات ئەللەرگە، قىلماقتا ئۇلار مېنىڭ خىزمىتىمنى. تەسلىم بولىدۇ يات ئەللەر شۈمشىيىپ ئالدىمدا، ئاۋازىمنى ئاڭلاش بىلەن بويسۇنار ئۇلار ماڭا. جاسارىتىنى يوقاتقان يات ئەللەر، تىترىگەن ھالدا قورغانلىرىدىن چىقىشار. مەڭگۈ ھاياتتۇر پەرۋەردىگار! ئۇ قورام تېشىمغا ئېيتىلسۇن ھەمدۇسانا، ئۇلۇغلانسۇن قورام تاشتەك نىجاتكارىم خۇدا! خۇدادۇر قىساس ئېلىپ بەرگۈچى ماڭا، بويسۇندۇرغۇچىدۇر خەلقلەرنى قول ئاستىمغا. قۇتقۇزدۇڭ مېنى دۈشمەنلىرىمدىن، ئۈستۈن قىلدىڭ ماڭا ھۇجۇم قىلغانلاردىن، قۇتۇلدۇردۇڭ ھەم زوراۋانلاردىن. ئى پەرۋەردىگار، ساڭا رەھمەت ئېيتىمەن ياتلار ئالدىدا، مەدھىيە كۈيى ئوقۇيمەن نامىڭغا. پەرۋەردىگار ئېرىشتۈرەر ئۆزى تىكلىگەن پادىشاھنى ئۇلۇغ غەلىبىگە، ئۇ بېغىشلار مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى ئۆزى تاللىغان پادىشاھقا _ تائەبەد داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا. يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنى خۇدا يۈكسەك قىلغاندۇر، ياقۇپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئۇنى تاللاپ پادىشاھ قىلغاندۇر. ئۇ ئىسرائىلىيەنىڭ سۆيۈملۈك مۇناجاتچىسىدۇر. داۋۇتنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى مۇنۇلاردىن ئىبارەت: پەرۋەردىگارنىڭ روھى مەن ئارقىلىق سۆزلىدى، مېنىڭ تىلىمدىدۇر ئۇنىڭ سۆزلىرى. ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سۆزلىدى، يەنى ئىسرائىللارنى قوغداپ كەلگەن قورام تاش ماڭا شۇنداق دەيدۇكى: «خەلقنى ئادالەت بىلەن باشقۇرغۇچى، خۇدادىن ئەيمىنىپ ھۆكۈم سۈرگۈچى، ئوخشار خۇددى بۇلۇتسىز سەھەردىكى يېڭى كۆتۈرۈلگەن قۇياشقا، ئوخشار خۇددى يامغۇردىن كېيىن ئوت-چۆپلەرنى پارقىراتقان قۇياشقا.» مېنىڭ جەمەتىم خۇدا ئالدىدا ئەنە شۇنداق ئەمەسمۇ؟ مەن بىلەن خۇدا مەڭگۈلۈك ئەھدە تۈزمىگەنمۇ؟ بۇ ئەھدە تولۇق رەتلەنگەن بولۇپ، ئىشەنچلىكتۇر. ئۇ مېنى ئازاد قىلار، ئارزۇ-ئارمانلىرىمغا يەتكۈزەر. ئوخشار ئوسال ئادەملەر تاشلىۋېتىلگەن تىكەنگە، تۇتقىلى بولماس ئۇلارنى قولدا. تىكەنلەرنى تۇتۇشتا، تۆمۈر ئەسۋاب ياكى نەيزىنىڭ سېپى ئىشلىتىلەر، ۋە ئۇلار ياتقان يېرىدە كۆيدۈرۈلۈپ، كۈلى كۆككە سورۇلار. داۋۇتنىڭ لەشكەرلىرى ئىچىدىكى باھادىرلارنىڭ ئىسىملىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: بىرىنچىسى تاخكىمونلۇق يوشىب-باسشەبەت بولۇپ، ئۇ «ئۈچ باھادىر»نىڭ بېشى ئىدى. بىر قېتىملىق جەڭدە نەيزىسى بىلەن سەككىز يۈز ئادەمنى ئۆلتۈرىدۇ. «ئۈچ باھادىر»نىڭ ئىككىنچىسى ئاخوۋا ئۇرۇقىدىن بولغان دودونىڭ ئوغلى ئەلئازار ئىدى. ئۇ ئۇرۇشۇشقا يىغىلغان فىلىستىيەلىكلەرگە قارشى تۇرۇشتا داۋۇت بىلەن بىرگە بولغان بولۇپ، كېيىن ئىسرائىل لەشكەرلىرى چېكىنىپ كېتىدۇ. ئەلئازار ئۆز ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، قوللىرىنىڭ پەيلىرى تارتىشىپ كەتكۈچە فىلىستىيەلىكلەرنى قىرىدۇ. شۇ كۈنى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا زور غەلىبە ئاتا قىلىدۇ. كېيىن ئىسرائىل لەشكەرلىرى ئۆلگەن فىلىستىيەلىكلەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش ئۈچۈن يەنە قايتىپ كېلىدۇ. «ئۈچ باھادىر»نىڭ ئۈچىنچىسى ھارارلىق ئاگېنىڭ ئوغلى شامماھ ئىدى. بىر قېتىم فىلىستىيەلىكلەر لەخى دېگەن جايدا بىر پۇرچاق ئېتىزلىقىنىڭ يېنىغا يىغىلىدۇ، ئىسرائىل لەشكەرلىرى بۇ چاغدا قېچىپ كېتىدۇ. شامماھ ھېلىقى ئېتىزلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا چىڭ تۇرۇپ، فىلىستىيەلىكلەرنى قىرىۋېتىدۇ ۋە ئېتىزلىقنىمۇ قوغداپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا زور غەلىبە ئاتا قىلىدۇ. داۋۇت تەشنالىق بىلەن: _ بىرەرسى ماڭا بەيتلەھەمنىڭ دەرۋازىسى يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ ئەكېلىپ بەرگەن بولسا ئىدى! _ دەيدۇ. ھېلىقى «ئۈچ باھادىر» فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بارگاھىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، بەيتلەھەمنىڭ دەرۋازىسى يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ ئېلىپ، سۇنى داۋۇتقا ئەكېلىپ بېرىدۇ. لېكىن داۋۇت سۇنى ئىچىشنى خالىماي، ئۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يەرگە تۆكۈۋېتىدۇ، ھەمدە: _ ئى پەرۋەردىگار، مېنى بۇ سۇنى ئىچىشتىن ساقلىغايسەن. بۇ سۇ، ھاياتىنى ئۆلۈمگە تىكىپ قويۇپ، سۇ ئالغىلى بارغان «ئۈچ باھادىر»نىڭ قېنىدەك قىممەتلىك ئەمەسمۇ؟ _ دەيدۇ ۋە شۇ سەۋەبلىك سۇنى ئىچىشتىن باش تارتىدۇ. مانا بۇ «ئۈچ باھادىر»نىڭ كۆرسەتكەن جەسۇرلۇقلىرىدۇر. مەزلۇم زىرۇيانىڭ ئوغلى، يوئابنىڭ ئاكىسى ئابىشاي «ئوتتۇز باھادىر»نىڭ بېشى ئىدى. ئۇ نەيزىسىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا ئۈچ يۈز ئادەمنى ئۆلتۈرىدۇ ۋە «ئۈچ باھادىر»دەك شۆھرەتكە ئېرىشىدۇ. ئۇ «ئوتتۇز باھادىر»نىڭ ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىقى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بېشى ئىدى. بىراق ئۇ «ئۈچ باھادىر»نىڭ ئىچىدە ئەمەس ئىدى. يىھويادانىڭ ئوغلى قابزىئېللىق بىنايا جەسۇر جەڭچى بولۇپ، نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنى قىلىدۇ. ئۇ موئابلارنىڭ كۈچلۈك لەشكىرىدىن ئىككىنى ئۆلتۈرىدۇ. قار ياغقان بىر كۈنى ئۇ ئورىغا چۈشۈپ، بىر شىرنى ئۆلتۈرىدۇ. ئۇ يەنە بەستى كېلىشكەن بىر مىسىرلىقنى ئۆلتۈرىدۇ. ئۇ مىسىرلىقنىڭ قولىدا بىر نەيزە بار ئىدى. بىنايا مىسىرلىقنىڭ يېنىغا كالتەك بىلەنلا ھۇجۇم قىلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ قولىدىكى نەيزىسىنى تارتىۋېلىپ، ئاشۇ نەيزە بىلەن ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ. بۇلار يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايانىڭ قىلغان ئىشلىرىدۇر. شۇڭا ئۇمۇ «ئۈچ باھادىر»دەك شۆھرەتكە ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭ داڭقى «ئوتتۇز باھادىر»نىڭكىدىن ئۈستۈن بولسىمۇ، بىراق «ئۈچ باھادىر»نىڭ ئىچىدە ئەمەس ئىدى. داۋۇت بىنايانى ياساۋۇللار باشلىقى قىلىدۇ. تۆۋەندىكىلەرمۇ «ئوتتۇز باھادىر»لاردىن ئىدى: يوئابنىڭ ئىنىسى ئاسائېل، دودونىڭ ئوغلى بەيتلەھەملىك ئەلخانان، خارودلۇق شامماھ، خارودلۇق ئەلىقا، پالاتلىق خەلەز، ئىققېشنىڭ ئوغلى تىقوۋالىق ئىرا، ئاناتوتلۇق ئابىئەزەر، خۇشاھلىق مىبۇنناي، ئاخوۋاخلىق زالمون، نىتوفالىق ماھراي، نىتوفالىق بائانانىڭ ئوغلى خېلەب، بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان گىبئاھلىق رىباينىڭ ئوغلى ئىتاي، پىرئاتونلۇق بىنايا، گائاش سايلىقىدىن كەلگەن ھىدداي، ئارابالىق ئابى-ئالبون، باخۇرىملىق ئازماۋەت، شائالبىملىق ئەلياخبا، ياشېننىڭ ئوغۇللىرى ۋە يوناتان، ھارارلىق شامماھ، شارارنىڭ ئوغلى ھارارلىق ئاخىئام، مائاكالىق ئاخاسبانىڭ ئوغلى ئەلىفەلەت، جىلولۇق ئاخىتوفەلنىڭ ئوغلى ئەلىئام، كارمەللىك خەزرو، ئاربىلىق پائاراي، زوباھلىق ناتاننىڭ ئوغلى يىگال، گادلىق بانى، ئاممونلاردىن بولغان زەلەق، بەئەروتلۇق ناخراي (ناخراي زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئابنىڭ ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ئىدى)، يىترىلاردىن بولغان ئىرا بىلەن گارېب ۋە خىتلاردىن بولغان ئۇرىيا. ئۇلار ھەممىسى بولۇپ ئوتتۇز يەتتە كىشى ئىدى. ئىسرائىللارغا پەرۋەردىگارنىڭ يەنە غەزىپى كەلدى-دە، داۋۇت پادىشاھنى ئىسرائىللارغا قارشى قويۇپ، ئۇنىڭغا: «سەن بېرىپ، ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەنىڭ جەڭ قىلىشقا قادىر ئادەملىرىنى ساناپ چىق!» دېدى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئۆز قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى يوئابقا بۇيرۇق قىلىپ: _ سىلەر ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنى داندىن تاكى بەئەرشەباغىچە ئارىلاپ، جەڭ قىلىشقا قادىر ئادەملەرنى ساناپ چىقىڭلار، مەن ئۇلارنىڭ سانىنى بىلىشىم كېرەك، _ دېدى. ۋاھالەنكى، يوئاب پادىشاھتىن: _ پەرۋەردىگار خۇدالىرى لەشكەرلەرنىڭ ھازىرقى سانىنى يۈز ھەسسە ئاشۇرغاي. پادىشاھ ئالىيلىرىغا ئۇلارنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرۈش نېسىپ بولغاي. پادىشاھ ئالىيلىرى، نېمە سەۋەبتىن بۇنداق قىلىشنى ئىستەپ قالدىلا؟ _ دەپ سورىدى. لېكىن پادىشاھنىڭ سۆزى يوئاب ۋە سەركەردىلەرنىڭ سۆزىدىن ئۈستۈن كەلدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىپ، ئىسرائىللارنىڭ لەشكەرلىرىنى ساناشقا يۈرۈپ كەتتى. ئۇلار ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، دەريا ۋادىسىدىكى ئاروئېر شەھىرىدە ۋە ۋادىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى باشقا بىر شەھەردە لەشكەرلەرنى ساناشقا كىرىشتى. كېيىن ئۇلار گاد زېمىنىنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئۇ يەردىن يازېر شەھىرىگىچە باردى. كېيىن ئۇلار يەنە گىلئادقا ۋە خىتلارنىڭ زېمىنىدىكى كادېش شەھىرىگە باردى. ئۇلار ئۇ يەردىن دان-يائانغا بېرىپ، سىدوننى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، تىر قەلئەسىگە، كېيىن يەنە خىۋلار ۋە كەنئانلىقلارنىڭ ھەممە شەھەرلىرىگە باردى. ئاخىرىدا ئۇلار يەھۇدىيەنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى بەئەرشەباغا يېتىپ باردى. ئۇلار پۈتۈن زېمىننى ئايلىنىپ چىقىپ، توققۇز ئاي يىگىرمە كۈن بولغاندا يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى. يوئاب لەشكەرلەرنى تىزىملاش ئەھۋالىدىن پادىشاھقا مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيەدە جەڭ قىلىشقا قادىر سەككىز يۇز مىڭ ئادەم، يەھۇدىيەدە بەش يۈز مىڭ ئادەم بار ئىكەن. داۋۇت لەشكەرلەرنىڭ سانىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ۋىجدانى قاتتىق ئازابلاندى. ئۇ پەرۋەردىگارغا: _ لەشكەرلەرنىڭ سانىنى ئېلىپ ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپتىمەن. ئاھ پەرۋەردىگار! قۇلۇڭنىڭ گۇناھىدىن كەچكەيسەن، مەن تولىمۇ ئەخمىقانە ئىش قىلىپتىمەن! _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن گاد، داۋۇتنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ، مۇنداق دېدى: _ زېمىنلىرىدا يەتتە يىل ئاچارچىلىق بولسۇنمۇ؟ ياكى دۈشمەنلىرىنىڭ ئالدىدا ئۈچ ئاي قېچىپ يۈرەملا؟ ياكى بولمىسا زېمىنلىرىدا ئۈچ كۈن ۋابا تارقالسۇنمۇ؟ بۇلارنى ياخشىراق ئويلاپ كۆرسىلە، مېنى ئەۋەتكۈچىگە قايسى جاۋابنى بېرىشىم كېرەك. داۋۇت گادقا مۇنداق دېدى: _ مەن ئېغىر ئەھۋالدا قالدىم. نېمىلا بولمىسۇن ئىنسانلارنىڭ قولىغا ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ قولىغا چۈشەيلى. چۈنكى ئۇ مېھىر-شەپقەتلىكتۇر. شۇنداق قىلىپ، پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەگە شۇ كۈنى سەھەردىن باشلاپ بەلگىلەنگەن ۋاقىتقىچە ۋابا تارقاتتى. داندىن بەئەرشەباغىچە بولغان زېمىندا 70 مىڭ ئادەم ئۆلدى. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يېرۇسالېمنى ۋەيران قىلىشقا قول كۆتۈرگەندە، پەرۋەردىگار ئۇلارنى جازالاش نىيىتىدىن ياندى ۋە ۋەيران قىلغۇچى پەرىشتىگە: _ يېتەر ئەمدى، قولۇڭنى تارت! _ دېدى. ئۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يىبۇسلاردىن بولغان ئاراۋنانىڭ خامىنىدا تۇراتتى. داۋۇت خەلقنى قىرغان پەرىشتىنى كۆرۈپ، پەرۋەردىگارغا: _ گۇناھ قىلغان مەن، رەزىللىك قىلغان مەن، قويدەك بىگۇناھ بۇ خەلق نېمە گۇناھ قىلدى؟ مېنى ۋە ئاتا جەمەتىمنى جازالىغايسەن! _ دېدى. غايىبنى بىلگۈچى گاد شۇ كۈنى داۋۇت پادىشاھنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: _ سىز يىبۇسلاردىن بولغان ئاراۋنانىڭ خامىنىغا بېرىپ، ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى سېلىڭ، _ دېدى. داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ گاد ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە دەل شۇ يەرگە باردى. ئاراۋنا داۋۇت پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئۆزى تەرەپكە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ، يەرگە باش قويۇپ، پادىشاھقا تەزىم قىلدى ۋە: _ ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، قانداقلارچە پېقىرلىرىنىڭكىگە قەدەم تەشرىپ قىلىپ قالدىلىكىن؟ _ دەپ سورىدى، داۋۇت پادىشاھ: _ خەلق ئىچىگە تارقالغان ۋابانى يوقىتىش ئۈچۈن سېنىڭ مۇشۇ خامىنىڭنى سېتىۋېلىپ، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بۇ يەرگە بىر قۇربانلىق سۇپىسى سالاي دەيمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى. _ پادىشاھ ئالىيلىرى، ئېلىۋەرسىلە! نېمىنى خالىسىلىرى شۇنى قۇربانلىق قىلغايلا. مانا، بۇ يەردە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن ئۆكۈزلىرىمنى، ئوتۇن ئۈچۈن خامان تېپىدىغان ياغاچ تاختامنى ۋە ئۆكۈزلەرنىڭ بويۇنتۇرۇقلىرى تۇرۇپتۇ. پادىشاھ ئالىيلىرى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پېقىر، ئۆزلىرىگە ئىنئام قىلاي، پەرۋەردىگار ئۆزلىرىدىن رازى بولسۇن، _ دېدى ئاراۋنا. _ ياق! مەن بۇلارنى ئۆز باھاسىدا سېتىۋالىمەن، بىكارغا كەلگەن نەرسىلەرنى پەرۋەردىگار خۇدايىمغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلمايمەن، _ دېدى پادىشاھ ئاراۋناغا. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت خامان ۋە ئۆكۈزلەرنى 50 كۈمۈش تەڭگىگە سېتىۋالدى. داۋۇت شۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى سېلىپ، كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇندى. پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيە زېمىنى ئۈچۈن قىلىنغان دۇئالارنى قوبۇل قىلدى، شۇنداق قىلىپ ۋابا ئىسرائىللار ئارىسىدىن يوقالدى. داۋۇت پادىشاھ ياشىنىپ، قېرىپ قالغاچقا، ئۇنىڭغا بىرقانچە يوتقان يېپىپ قويسىمۇ ئىسسىمايتتى. شۇڭا، ئادەملىرى ئۇنىڭغا: _ پادىشاھ ئالىيلىرى، بىز سىلىگە ئىپپەتلىك قىزدىن بىرنى تېپىپ ئەكېلەيلى. ئۇ خىزمەتلىرىنى قىلىپ، ھالىلىرىدىن خەۋەر ئالسۇن. سىلىنى ئىسسىتىش ئۈچۈن ھەمراھ بولسۇن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پۈتكۈل ئىسرائىلىيە زېمىنىدىن گۈزەل قىز ئىزدەپ، شۇنېملىق ئابىشاگ ئىسىملىك بىر قىزنى تېپىپ، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كەلدى. ئۇ شۇنچىلىك گۈزەل قىز ئىدى، ئۇ پادىشاھنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، ھالىدىن خەۋەر ئالدى. بىراق پادىشاھ ئۇ قىز بىلەن بىللە بولمىدى. شۇ چاغلاردا، داۋۇت پادىشاھنىڭ خوتۇنى خاگگىتتىن تۇغۇلغان ئوغلى ئادونىيا «مەن پادىشاھ بولىمەن» دەپ كۆرەڭلەپ يۈردى. ئۇ ئۆزىگە بىر جەڭ ھارۋىسى بىلەن ئاتلارنى شۇنداقلا 50 چاپارمەننى ھازىرلىدى. ئاتىسى ئۇنى ئەزەلدىن «نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىسەن؟» دەپ ئەيىبلىمەيتتى. ئۇ ئابسالومدىن كېيىنكىسى بولۇپ، ئۇمۇ ناھايىتى كېلىشكەن يىگىت ئىدى. ئادونىيا، زىرۇيانىڭ ئوغلى قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى يوئاب ۋە روھانىي ئابىياتار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ئەمما روھانىي زادوق، يىھويادانىڭ ئوغلى ياساۋۇللار باشلىقى بىنايا، ناتان پەيغەمبەر، شىمئى، رېئى ۋە داۋۇتنىڭ باھادىرلىرىدىن ھېچكىم ئادونىيانى قوللىمىدى. بىر كۈنى ئادونىيا ھەممە قېرىنداشلىرى، يەنى پادىشاھنىڭ باشقا ئوغۇللىرى ۋە يەھۇدىيەنىڭ پۈتۈن ئوردا ئەمەلدارلىرىنى روگېل بۇلىقى يېنىدىكى «يىلان قورام تېشى»نىڭ يېنىغا چاقىرىپ، قوي، كالا ۋە بوردالغان تورپاقلارنى سويۇپ قۇربانلىق قىلدى. ئەمما ئۇ ناتان پەيغەمبەر، بىنايا، ئاتىسىنىڭ باھادىرلىرى، شۇنداقلا قېرىندىشى سۇلايماننى چاقىرمىدى. ناتان پەيغەمبەر سۇلايماننىڭ ئانىسى باتشەباغا: _ داۋۇت پادىشاھنىڭ خوتۇنى خاگگىتنىڭ ئوغلى ئادونىيا پادىشاھ بولۇۋاپتۇ. پادىشاھىمىز داۋۇتنىڭ بۇ ئىشلاردىن قىلچە خەۋىرى يوق ئىكەن، سىلى بۇنى ئاڭلىمىدىلىمۇ؟ مەن سىلىگە بىر مەسلىھەت بېرەي، سىلى ئۆز جانلىرى ۋە ئوغۇللىرى سۇلايماننىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇپ قالماقچى بولسىلىرى، دەرھال داۋۇت پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرسىلە، ھەمدە ئۇنىڭغا: «ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، بۇرۇن ئۆزلىرى ئاجىزەلىرىگە ‹ئوغلۇڭ سۇلايمان ماڭا ۋارىسلىق قىلىپ، تەختىمدە ئولتۇرىدۇ› دەپ قەسەم قىلغان ئەمەسمىدىلە؟ ئەمدى ئادونىيا قانداق بولۇپ پادىشاھ بولۇپ قالدى؟» دېسىلە. سىلى پادىشاھ بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندا، مەن كىرىپ سىلىنىڭ گەپلىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيمەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن باتشەبا پادىشاھنىڭ ھۇجرىسىغا كىردى. (بۇ چاغدا پادىشاھ بەك قېرىپ كەتكەن بولۇپ، شۇنېملىق قىز ئابىشاگ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى.) باتشەبا پادىشاھقا ئېگىلىپ تەزىم قىلدى. پادىشاھ ئۇنىڭدىن: _ نېمە تەلىپىڭ بار؟ _ دەپ سورىدى. باتشەبا: _ ئالىيلىرى، سىلى بۇرۇن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئالدىدا ئاجىزەلىرىگە قەسەم قىلىپ تۇرۇپ: «ئوغلۇڭ سۇلايمان ماڭا ۋارىسلىق قىلىپ، تەختىمدە ئولتۇرىدۇ» دېگەنىدىلە. ئەمما ھازىر ئادونىيا پادىشاھ بولۇۋاپتۇ! ئى ئالىيلىرى، سىلى بۇنىڭدىن تېخى خەۋەرسىز. ئۇ نۇرغۇن كالا، بوردالغان تورپاق ۋە قويلارنى قۇربانلىق قىلىپ، سىلىنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى ھەمدە روھانىي ئابىياتار، باش سەركەردە يوئابلارنى چاقىرىپ، ئوغۇللىرى سۇلايماننى چاقىرماپتۇ. ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، ھازىر بارلىق ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆزى سىلىدە، ئۇلار سىلىنىڭ كىمنى ئۆز تەختلىرىدە ۋارىسلىققا ئولتۇرغۇزىدىغانلىقلىرىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلمىسىلا، سىلىدىن كېيىن قالساق، ئادونىيانىڭ بىزنى جىنايەتچى قاتارىدا كۆرۈشى ئېنىق، _ دېدى. باتشەبا پادىشاھ بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندا، ناتان پەيغەمبەر كەلدى. پادىشاھنىڭ مۇلازىملىرى ئۇنىڭغا ناتان پەيغەمبەرنىڭ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ناتان پەيغەمبەر پادىشاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ، بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلىپ، پادىشاھقا: _ ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى بۇرۇن راستتىنلا «ئادونىيا ماڭا ۋارىسلىق قىلىپ، تەختىمدە ئولتۇرىدۇ» دېگەنمىدىلە؟ بۈگۈن ئادونىيا نۇرغۇن كالا، بوردالغان تورپاق ۋە قويلارنى قۇربانلىق قىلىپ، سىلىنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى، سەركەردىلەرنى ۋە روھانىي ئابىياتارنى چاقىرىپتۇ. ئۇلار: «ياشىسۇن پادىشاھ ئادونىيا!» دەپ توۋلىشىپ، ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا يەپ-ئىچىشىۋېتىپتۇ. كەمىنىلىرىنى، روھانىي زادوقنى، يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا ۋە ئوغۇللىرى سۇلايماننى چاقىرماپتۇ. ئى، پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى ئەمەلدارلىرىنىڭ ھېچقايسىسىغا كىمنىڭ تەختلىرىگە ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىماي تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلىشى سىلىنىڭ خاھىشلىرى بىلەن بولدىمۇ؟ _ دېدى. داۋۇت پادىشاھ: _ باتشەبانى چاقىرىڭلار! _ دېدى. باتشەبا پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىردى. باتشەبا بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلىپ: _ پادىشاھ ئالىيلىرى مەڭگۈ ياشىغايلا! _ دېدى. داۋۇت پادىشاھ: _ روھانىي زادوق، ناتان پەيغەمبەر ۋە يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى چاقىرىڭلار، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەلدى. پادىشاھ ئۇلارغا: _ سىلەر مېنىڭ ياساۋۇللىرىمنى ئېلىپ، ئوغلۇم سۇلايماننى مېنىڭ ئۆز قېچىرىمغا مىندۈرۈپ، گىھون بۇلىقىغا ئېلىپ بېرىڭلار. ئۇ يەردە روھانىي زادوق ۋە ناتان پەيغەمبەر ئىككىڭلار سۇلايماننىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئۇنى ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىقىغا تەيىنلەپ، بۇرغا چېلىپ: «ياشىسۇن سۇلايمان پادىشاھ!» دەپ توۋلاڭلار ۋە ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىڭلار. ئۇ قايتىپ كېلىپ، تەختىمدە ئولتۇرۇپ، مېنىڭ ئورنۇمدا پادىشاھ بولسۇن. مەن ئۇنى ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەگە ھۆكۈمران قىلىپ تەيىنلىدىم، _ دېدى. يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا پادىشاھنىڭ سۆزىگە جاۋاب قايتۇرۇپ: _ ئامىن! پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ پەرۋەردىگارى خۇدانىڭ ئەمرى شۇنداق بولغاي! پەرۋەردىگار بۇرۇن پادىشاھ ئالىيلىرىغا يار بولغاندەك، سۇلايمانغىمۇ يار بولغاي ۋە ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى داۋۇت پادىشاھنىڭكىدىنمۇ قۇدرەتلىك قىلغاي، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن روھانىي زادوق، ناتان پەيغەمبەر ۋە يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا، شۇنداقلا كىرېتلەر بىلەن پىلېتلەردىن تەركىب تاپقان ياساۋۇللار سۇلايماننى داۋۇت پادىشاھنىڭ قېچىرىغا مىندۈرۈپ، ئۇنى گىھون بۇلىقىغا ئېلىپ باردى. روھانىي زادوق مۇقەددەس چېدىردىن ئېلىپ كەلگەن مۈڭگۈزدىكى ياغنى ئېلىپ، شۇ يەردە سۇلايماننىڭ بېشىغا قۇيدى. ئۇلار بۇرغا چېلىشىغا بارلىق كىشىلەر «ياشىسۇن سۇلايمان پادىشاھ!» دەپ توۋلاشتى. ئۇلار سۇنايلارنى چېلىشقان ھالدا سۇلايمانغا ئەگىشىپ ماڭدى. ئۇلارنىڭ شاد-خۇراملىق بىلەن تەنتەنە قىلىشلىرىدىن يەر-جاھان لەرزىگە كەلدى. ئادونىيا مېھمانلىرى بىلەن زىياپەتنى تۈگىتىپ تۇرۇشىغا بۇ شاۋقۇن-سۈرەننى ئاڭلىدى. يوئاب بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلاپ: _ شەھەردىن كېلىۋاتقان بۇ نېمە ئاۋاز؟ _ دېدى. شۇ پەيتتە، روھانىي ئابىياتارنىڭ ئوغلى يوناتان كەلدى. ئادونىيا: _ كەل، سەن بىر ياخشى ئادەمسەن، بىزگە چوقۇم ياخشى خەۋەر ئېلىپ كەلدىڭ، _ دېدى. يوناتان ئادونىياغا: _ ياق، پادىشاھىمىز داۋۇت ئالىيلىرى سۇلايماننى پادىشاھ قىلىپ تەيىنلىدى. پادىشاھ داۋۇت سۇلايماننى روھانىي زادوق، ناتان پەيغەمبەر، يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا، شۇنداقلا كىرېتلەر ۋە پىلېتلەردىن تەركىب تاپقان ياساۋۇللار بىلەن بىللە يولغا سالدى. ئۇلار سۇلايماننى داۋۇت پادىشاھنىڭ قېچىرىغا مىندۈردى. روھانىي زادوق بىلەن ناتان پەيغەمبەر سۇلايماننى گىھون بۇلىقىنىڭ يېنىدا پادىشاھلىققا تەيىنلىدى. ئۇلار شاد-خۇراملىق بىلەن تەنتەنە قىلىشىپ ماڭغاچقا، شەھەر ئىچى شاۋقۇن-سۈرەنگە تولدى. بۇ دەل سىلى ئاڭلىغان شاۋقۇن-سۈرەندۇر. سۇلايمان پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە پادىشاھنىڭ ئەمەلدارلىرى كېلىپ، پادىشاھىمىز داۋۇتنى تەبرىكلەپ: «سىلى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا سۇلايماننىڭ شان-شۆھرىتىنى سىلىنىڭكىدىنمۇ زىيادە قىلسۇن، ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى سىلىنىڭكىدىنمۇ قۇدرەتلىك قىلسۇن» دېيىشتى. پادىشاھ كارىۋىتىدا يېتىپ تۇرۇپ، پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىپ، مۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ھەمدۇسانالار بولغاي، ئۇ بۈگۈن ئەۋلادىمدىن بىرسىنى تەختىمگە ۋارىسلىق قىلدۇرۇپ، ئۇنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈشكە نېسىپ قىلدى»، _ دېدى. ئادونىيانىڭ مېھمانلىرى بۇنىڭدىن قورقۇشۇپ، ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى-دە، پاتىپاراق بولۇشۇپ، ئۆز يوللىرىغا راۋان بولۇشتى. ئادونىيا سۇلايماندىن قورقۇپ، يۈگۈرۈپ بېرىپ، مۇقەددەس چېدىرىنىڭ ئالدىدىكى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئېگىز چىقىرىلغان بۇرجىكىنى چىڭ تۇتۇۋالدى. بىر كىشى سۇلايمانغا: _ ئادونىيا سىلىدىن قورقۇپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۇرجىكىنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ، «سۇلايمان پادىشاھ مەن قۇلىنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرمەسلىككە قەسەم قىلسۇن» دەپ ئۆتۈنۈۋاتىدۇ، _ دېدى. سۇلايمان: _ ئەگەر ئۇ ساداقەتمەن بولسا، ئۇنىڭ بىر تال مويىغىمۇ زىيان-زەخمەت يەتمەيدۇ. لېكىن ئۇ بىرەر يامان غەرەزدە بولىدىكەن، چوقۇم ئۆلتۈرۈلىدۇ، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن سۇلايمان پادىشاھ ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى قۇربانلىق سۇپىسىدىن ئېلىپ كەلدى. ئۇ كېلىپ سۇلايمان پادىشاھقا تەزىم قىلدى. سۇلايمان ئۇنىڭغا: _ ئۆيۈڭگە قايتقىن، _ دېدى. داۋۇت ئالەمدىن ئۆتۈش ئالدىدا ئوغلى سۇلايماننى ئالدىغا چاقىرىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق ۋەسىيەت قىلدى: _ ئۆلۈم ھەممە ئادەمنىڭ بېشىغا كېلىدۇ، مېنىڭمۇ ئۆمرۈم ئاخىرلىشىپ قالدى. جۈرئەتلىك بولۇپ، ئەركەكتەك ياشا. پەرۋەردىگارىڭ خۇدانىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، ئۇنىڭ يولىدا مېڭىپ، مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغان ئەمر-پەرمان، قائىدە-تۈزۈملەرگە ئەمەل قىل. شۇنداق قىلساڭ مەيلى نېمە قىل، مەيلى قايسى تەرەپكە يول ئال، ھەربىر ئىشىڭدا روناق تاپىسەن. شۇندا پەرۋەردىگار ماڭا: «ئەگەر سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ مېنىڭ يولۇمدىن ئاداشماي، ماڭا چىن قەلبى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ساداقەتمەن بولسا، ئىسرائىلىيە تەختىدە ئولتۇرۇشقا سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭدىن ئادەم كەم بولمايدۇ» دېگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سەن زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئابنىڭ ماڭا نېمە قىلغانلىقىنى بىلىسەن. ئۇنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىككى باش سەركەردىسىنى، يەنى نېرنىڭ ئوغلى ئابنېر بىلەن يەتەرنىڭ ئوغلى ئاماسانى ئۆلتۈرگەنلىكىدىن خەۋىرىڭ بار، ئۇ ئاسايىشلىق زاماندا خۇددى ئۇرۇش مەزگىلىدىكىدەك ئۇلارنىڭ قېنىنى تۆكتى. ئۇ ئۆز كەمىرى ۋە چورۇقىنى قان بىلەن بويىدى. ئۇنى قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئۆزۈڭ بىلىسەن. ئۇنىڭ قېرى كاللىسىنىڭ خاتىرجەم ھالدا ئۆلۈكلەر ماكانىغا يول ئېلىشىغا ئىجازەت بەرمە. گىلئادلىق بارزىللاينىڭ ئەۋلادلىرىغا ياخشىلىق قىلىپ، ئۇلارغا سەن بىلەن بىر داستىخاندا تائام يەيدىغانلار ئارىسىدىن ئورۇن بەرگىن. چۈنكى، مەن ئاكاڭ ئابسالومدىن قېچىپ يۈرگەن چاغلاردا ئۇلار ماڭا ياخشىلىق قىلغان. يەنە باخۇرىملىق بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان گېرانىڭ ئوغلى شىمئىمۇ بار. ئۇ مەن ماخانايىمغا بارغان چېغىمدا مېنى قاتتىق قارغاپ تىللىغان. ئەمما ئۇ ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىغا مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەندە: «مەن سېنى ئۆلتۈرمەيمەن» دەپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قەسەم قىلغانىدىم. شۇنداقتىمۇ ئەمدى سەن ئۇنى گۇناھسىز دەپ قارىمىغىن. سەن بىر ئەقىل ئىگىسى، ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلىسەن. ئۇ ئاق باش قېرى، قەبرىسىگە قانغا بويالغان ھالدا كىرىپ كەتسۇن. داۋۇت ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىغا كېتىپ، «داۋۇت شەھىرى»گە دەپنە قىلىندى. ئۇ ئىسرائىلىيەگە 40 يىل پادىشاھ بولدى. ھىبروندا يەتتە يىل، يېرۇسالېمدا 33 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. سۇلايمان ئاتىسىنىڭ تەختىدە ئولتۇردى. ئۇنىڭ پادىشاھلىقى مۇستەھكەملەندى. ئادونىيا: _ سىلىگە مەلۇم، بۇ پادىشاھلىق ئەسلى مېنىڭ ئىدى. بارلىق ئىسرائىللار، مېنى ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ، دەپ ئويلىشاتتى. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن، پەرۋەردىگارنىڭ خاھىشى بىلەن پادىشاھلىق ئەمدى ئىنىمنىڭ بولۇپ قالدى. ھازىر مېنىڭ بىر ئىلتىماسىم بار ئىدى، رەت قىلمىغايلا، _ دېدى. _ سۆزلە، _ دېدى باتشەبا. ئادونىيا: _ سۇلايمان پادىشاھتىن ماڭا شۇنېملىق قىز ئابىشاگنى خوتۇنلۇققا بېرىشىنى سورىسىلا. ئۇ سىلىنىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلمايدۇ، _ دېدى. باتشەبا: _ بولىدۇ، سېنىڭ ئىلتىماسىڭنى پادىشاھقا يەتكۈزەي، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن باتشەبا ئادونىيانىڭ ئىلتىماسىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن سۇلايمان پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىردى. سۇلايمان پادىشاھ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئېگىلىپ تەزىم قىلدى. ئاندىن ئۆز تەختىدە ئولتۇرۇپ، خان ئانىسىغىمۇ بىر تەخت ئەكەلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرغۇزدى. باتشەبا: _ مېنىڭ كىچىككىنە بىر ئىلتىماسىم بار ئىدى، رەت قىلمىغايسەن، _ دېدى. پادىشاھ: _ ئانا، سۆزلىسىلە، مەن سىلىنىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلمايمەن، _ دېدى. باتشەبا: _ شۇنېملىق قىز ئابىشاگنى ئاكاڭ ئادونىياغا خوتۇنلۇققا بەرسەڭ، _ دېدى. سۇلايمان پادىشاھ ئانىسىغا مۇنداق جاۋاب بەردى: _ سىلى نېمە ئۈچۈن شۇنېملىق قىز ئابىشاگنى ئادونىيا ئۈچۈن سوراپ كىردىلە؟ ئۇنىڭدىن كۆرە، ئادونىيا مېنىڭ ئاكام بولغاندىكىن پادىشاھلىقنى ئۇنىڭغا بېرىشىمنى تەلەپ قىلسىلا بولماسمىدى؟ روھانىي ئابىياتار ۋە زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئابلارمۇ ئادونىيا تەرەپتە تۇرىدىغۇ، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قەسەم قىلىپ: _ ئادونىيانىڭ شۇ سۆزى ئۈچۈن ئۇنىڭ جېنىنى ئالمىسام خۇدا مېنى قاتتىق جازالىسۇن! مېنى قۇدرەتلىك قىلىپ، ئاتام داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزغان، ئاتامغا ۋەدە قىلغىنىدەك پادىشاھلىقنى ماڭا ۋە ئەۋلادلىرىمغا بەرگەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، ئادونىيا بۈگۈن ئۆلتۈرۈلىدۇ، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن سۇلايمان پادىشاھ يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى ئادونىيانى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇدى. بىنايا بېرىپ، ئۇنى چېپىپ ئۆلتۈردى. پادىشاھ روھانىي ئابىياتارغا: _ سەن يۇرتۇڭ ئاناتوتقا قايتقىن. ئەسلى ساڭا ئۆلۈم لايىق ئىدى، ئەمما بۈگۈن مەن سېنى ئۆلتۈرمەيمەن، چۈنكى سەن ئاتام داۋۇتنىڭ ۋاقتىدا ئىگىمىز پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن، ھەم ئاتام بىلەن جاپادا بىللە بولغان، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن سۇلايمان ئابىياتارنى پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى. بۇ ئارقىلىق پەرۋەردىگارنىڭ شىلو شەھىرىدە روھانىي ئەلىنىڭ ئەۋلادلىرى ھەققىدە ئېيتقان سۆزى ئەمەلگە ئاشتى. يوئاب بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرىغا قېچىپ بېرىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۇرجىكىنى تۇتۇۋالدى. چۈنكى ئۇ ئابسالومنى قوللىمىغان بولسىمۇ ئەمما ئادونىيانى قوللىغانىدى. بىرسى سۇلايمان پادىشاھقا: «يوئاب پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرىغا قېچىپ بېرىۋالدى. ھازىر ئۇ قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا!» دەپ خەۋەر يەتكۈزدى. سۇلايمان يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى «بېرىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەت» دەپ ئەۋەتتى. بىنايا پەرۋەردىگارنىڭ چېدىرىغا كېلىپ، يوئابقا: _ پادىشاھ سېنى چىقسۇن، دەپ بۇيرۇق قىلدى، _ دېدى. ئەمما ئۇ: _ ياق، مۇشۇ يەردە ئۆلىمەن، _ دېدى. بىنايا يوئابنىڭ سۆزىنى پادىشاھقا يەتكۈزدى. پادىشاھ مۇنداق دېدى: _ ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە ئۇنى ئۆلتۈرۈپ كۆمۈۋەت! يوئابنىڭ سەۋەبسىز قان ئاققۇزغانلىقىنىڭ گۇناھى مېنىڭ ۋە ئاتامنىڭ ئائىلىسىدىن كۆتۈرۈلسۇن. چۈنكى ئۇ، ئاتام داۋۇتنىڭ خەۋىرى بولمىغان ئەھۋالدا ئۆزىدىن ھەققانىي ۋە ياخشى بولغان ئىسرائىلىيەنىڭ باش سەركەردىسى نېرنىڭ ئوغلى ئابنېر بىلەن يەھۇدىيەنىڭ باش سەركەردىسى يەتەرنىڭ ئوغلى ئاماسانى قىلىچلاپ ئۆلتۈرگەن. پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قان تۆككەنلىك جازاسىنى چوقۇم بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ تۆكۈلگەن قان قەرزى يوئاب ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ بېشىغا كەلسۇن. ئەمما ئاتام داۋۇت، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى، ئائىلىسى ۋە ئۇنىڭ تەختىگە پەرۋەردىگار مەڭگۈ تىنچ-ئامانلىق ئاتا قىلغاي. شۇنىڭ بىلەن يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا بېرىپ يوئابنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ جەسىتىنى چۆلدىكى ئۆز يېرىگە دەپنە قىلدى. پادىشاھ يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايانى يوئابنىڭ ئورنىغا لەشكەر بېشى قىلىپ تەيىنلىدى. روھانىي زادوقنى ئابىياتارنىڭ ئورنىغا تەيىنلىدى. پادىشاھ ئادەم ئەۋەتىپ شىمئىنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا: _ يېرۇسالېمدا ئۆزۈڭگە بىر ئۆي سال ۋە شۇ يەردە ياشاپ ھېچقانداق يەرگە بارما. شۇنى بىلىپ قويغىنكى، سېنىڭ ئۆيدىن چىقىپ قىدرون جىلغىسىدىن ئۆتكەن كۈنۈڭ، دەل سېنىڭ ئۆلىدىغان كۈنۈڭ بولىدۇ. ئۇنداق بولغاندا، ئۆز-ئۆزۈڭگە قىلغان بولىسەن، _ دېدى. شىمئى پادىشاھقا: _ لەببەي، پادىشاھ ئالىيلىرى، قۇللىرى سىلىنىڭ دېگەنلىرىدەك قىلىدۇ، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن شىمئى يېرۇسالېمدا ئۇزۇن مەزگىل تۇرۇپ قالدى. ئەمما ئۈچىنچى يىلنىڭ ئاخىرىدا شىمئىنىڭ ئىككى قۇلى مائاكانىڭ ئوغلى گات پادىشاھى ئاكىشنىڭ يېنىغا قېچىپ بېرىۋالدى. بىرسى شىمئىگە: _ قارا، سېنىڭ قۇللىرىڭ گاتقا بېرىۋاپتۇ، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن شىمئى ئېشىكىنى توقۇپ، گاتتىكى ئاكىشنىڭ قېشىغا قۇللىرىنى ئىزدەپ بېرىپ، ئۇلارنى گاتتىن قايتۇرۇپ كەلدى. بىرسى سۇلايمانغا شىمئىنىڭ يېرۇسالېمدىن گاتقا بېرىپ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. پادىشاھ ئادەم ئەۋەتىپ شىمئىنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا: _ مەن سېنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قەسەم قىلغۇزۇپ، قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئېسىڭدە بولسۇن، سېنىڭ ئۆيدىن چىقىپ باشقا يەرگە بارغان كۈنۈڭ، ئۆلىدىغان كۈنۈڭ بولىدۇ» دېمىگەنمىدىم؟ سەن ماڭا: «پادىشاھ ئالىيلىرى، مەن سىلىنىڭ دېگەنلىرىدەك قىلىمەن» دېگەنىدىڭ. سەن ئەمدى نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئالدىدا قىلغان قەسىمىڭدە تۇرمايسەن؟ نېمىشقا مېنىڭ بۇيرۇقۇمغا ئەمەل قىلمايسەن؟ _ دېدى. پادىشاھ شىمئىغا يەنە: _ ئاتام داۋۇتقا قىلغان يامانلىقىڭ ئۆز كۆڭلۈڭگە ئايان. شۇڭا پەرۋەردىگار ئۆز يامانلىقىڭنى ئۆزۈڭگە ياندۇرىدۇ. ئەمما پەرۋەردىگار داۋۇتنىڭ خانىدانلىقىنى مەڭگۈ مۇستەھكەم قىلىپ، ئۇنىڭ ئەۋلادى سۇلايمان پادىشاھنى بەرىكەتلەيدۇ، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ يىھويادانىڭ ئوغلى بىناياغا شىمئىنى ئۆلتۈرۈشنى بۇيرۇق قىلدى. ئۇ بېرىپ شىمئىنى ئۆلتۈردى. شۇنداق قىلىپ سۇلايماننىڭ پادىشاھلىقى مۇستەھكەملەندى. سۇلايمان پىرئەۋننىڭ قىزىنى ئەمرىگە ئېلىپ، پىرئەۋن بىلەن ئىتتىپاق تۈزدى. ئۇ پىرئەۋىننىڭ قىزىنى داۋۇت شەھىرىگە ئېلىپ كەلدى. سۇلايمان ئۆز ئوردىسى، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ۋە يېرۇسالېم سېپىلىنى سالدۇرۇپ بولغۇچە ئۇ قىز شۇ يەردە تۇردى. شۇ چاغلاردا پەرۋەردىگارنىڭ نام-شەرىپىگە ئاتالغان ئىبادەتخانا تېخى سېلىنمىغان بولغاچقا، خەلق غەيرىي سەجدىگاھلىرىغا بېرىپ، قۇربانلىق قىلىپ يۈرەتتى. سۇلايمان پەرۋەردىگارنى سۆيۈپ، ئاتىسى داۋۇتنىڭ ئىزىنى باسقان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئۆزىمۇ غەيرىي سەجدىگاھلاردا قۇربانلىق قىلاتتى ۋە ئىسرىق سالاتتى. بىر كۈنى پادىشاھ گىبئون شەھىرىگە قۇربانلىق قىلىشقا باردى. (ئۇ يەر سەجدىگاھلار ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى ئىدى. سۇلايمان ئىلگىرى ئۇ يەردىكى قۇربانلىق سۇپىسىدا مىڭ تۇياقچە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلغانىدى). سۇلايمان گىبئوندىكى ۋاقتىدا بىر كېچىسى پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنىڭ چۈشىگە كىرىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ مەن ساڭا نېمە ئىلتىپات قىلاي، سورىغىن. سۇلايمان: _ خىزمەتكارىڭ ئاتام داۋۇت سېنىڭ ئالدىڭدا ساداقەتمەن، ھەققانىي ۋە دۇرۇس نىيەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئۇلۇغ مېھىر-شەپقەت كۆرسەتتىڭ. سەن ئاشۇ ئۇلۇغ مېھىر-شەپقىتىڭ بىلەن ھازىر ئۇنىڭ تەختىدە ئولتۇرىدىغان بىر ئوغۇل بەردىڭ. ئى پەرۋەردىگارىم خۇدا، سەن ئەمدى مەن قۇلۇڭنى ئاتام داۋۇتنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلدىڭ، ئەمما مەن تېخى قانداق قىلىشنى بىلمەيدىغان كىچىك بالىدەكمەن. قۇلۇڭ سەن تاللىغان زور خەلق بىلەن ياشايدۇ، ئۇلارنىڭ سانى ھەددى-ھېسابسىزدۇر. شۇڭا سەن قۇلۇڭغا خەلقىڭنى باشقۇرغۇدەك، ياخشى-ياماننى پەرق قىلغۇدەك ئەقىل-پاراسەت بەرگىن، بولمىسا كىممۇ ئۇلۇغ خەلقىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلالىسۇن؟ _ دېدى. سۇلايماننىڭ ئەقىل-پاراسەت سورىشى ئىگىمىزنى خۇرسەن قىلدى. خۇدا ئۇنىڭغا: _ سەن ئۆزۈڭگە ئۇزۇن ئۆمۈر، بايلىق ياكى دۈشمىنىڭنىڭ جېنىنى سورىماستىن، بەلكى ھەق-ناھەقنى پەرق قىلغۇدەك ئەقىل-پاراسەت سورىدىڭ. شۇڭا، مانا مەن ساڭا تەلىپىڭ بويىچە سەندىن بۇرۇن ھېچكىمدە بولۇپ باقمىغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھېچكىمدە بولمايدىغان ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلىمەن. ساڭا يەنە سەن مەندىن سورىمىغان بايلىق ۋە شان-شۆھرەتنىمۇ قوشۇپ بېرىمەن. ئۆمرۈڭدە ھېچقانداق پادىشاھ سەن بىلەن تەڭ بولالمايدۇ. ئەگەر سەن مېنىڭ يولۇمدا ماڭساڭ، ئەمر-پەرمانلىرىمنى ئاتاڭ داۋۇتقا ئوخشاش ئورۇندىساڭ، مەن ساڭا ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلىمەن، _ دېدى. سۇلايمان ئويغىنىپ، بۇنىڭ بىر چۈش ئىكەنلىكىنى بىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يېرۇسالېمغا قايتىپ، ئىگىمىزنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى قىلىپ، بارلىق ئەمەلدارلىرىغا زىياپەت قىلىپ بەردى. بىر كۈنى ئىككى پاھىشە ئايال سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئالدىغا داد ئېيتىپ كەلدى. ئۇلاردىن بىرى: _ پادىشاھ ئالىيلىرى، مەن بۇ ئايال بىلەن بىر ئۆيدە تۇرىمەن. مېنىڭ تۇغۇتۇمدا ئۇ ئايالمۇ ئۆيدە بار ئىدى. مەن تۇغۇپ ئۈچ كۈن بولغاندا بۇ ئايالمۇ بىر بالا تۇغدى. بۇ ئۆيدە ئىككىمىزلا تۇراتتۇق، بىزدىن باشقا ھېچكىم يوق ئىدى. بىر كېچىسى بۇ ئايال ئۇخلاۋېتىپ، ئوغلىنى بېسىپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ. ئەمما ئۇ يېرىم كېچىدە ئاجىزەلىرى ئۇخلاۋاتقاندا، يېنىمدىكى ئوغلۇمنى ئېلىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆلگەن ئوغلىنى مېنىڭ يېنىمغا ياتقۇزۇپ قويۇپتۇ. مەن ئەتىسى ئەتىگەندە ئويغىنىپ، ئوغلۇمنى ئېمىتەي دەپ قارىسام، ئۇ ئۆلۈپ قاپتۇ. مەن سىنچىلاپ قارىسام ئۇ مەن تۇغقان بالا ئەمەس ئىكەن، _ دېدى. يەنە بىر ئايال: _ ياق، ئۇنداق ئەمەس! تىرىكى مېنىڭ ئوغلۇم، ئۆلۈكى سېنىڭ! _ دەپ ۋارقىرىدى. بىرىنچى ئايال: _ ياق، ئۆلۈكى سېنىڭ، تىرىكى مېنىڭ، _ دەپ تۇرۇۋالدى. ئۇلار پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئەنە شۇنداق تالاش-تارتىش قىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ: _ بۇ ئايال «تىرىكى مېنىڭ ئوغلۇم، ئۆلۈكى سېنىڭ ئوغلۇڭ» دەيدۇ. ئۇ ئايال «ياق، ئۆلۈكى سېنىڭ ئوغلۇڭ، تىرىكى مېنىڭ ئوغلۇم» دەيدۇ. خوش، ئۇنداقتا بىر قىلىچ كەلتۈرۈلسۇن! _ دەپ بۇيرۇدى. پادىشاھقا بىر قىلىچ كەلتۈرۈلدى. پادىشاھ: _ تىرىك بالىنى ئىككىگە بۆلۈڭلار. بىر پارچىسىنى بۇ ئايالغا، يەنە بىر پارچىسىنى ئۇ ئايالغا بېرىڭلار، _ دېدى. تىرىك بالىنىڭ ئۆز ئانىسىنىڭ يۈرىكى ئۆرتىنىپ پادىشاھقا: _ پادىشاھ ئالىيلىرى، ھەرگىزمۇ تىرىك بالىنى ئۆلتۈرمىگەيلا، بالىنى ئۇنىڭغا بەرگەيلا، _ دېدى. يەنە بىر ئايال بولسا: _ بالا مېنىڭمۇ ياكى سېنىڭمۇ بولمىسۇن، ئۇنى ئىككىگە بۆلۈڭلار، _ دېدى. پادىشاھ مۇنداق دېدى: _ بالا ھەرگىز ئۆلتۈرۈلمىسۇن، بالىنى بىرىنچى ئايالغا بېرىڭلار. بۇ ئايال ئۇنىڭ ئانىسى. پۈتۈن ئىسرائىللار پادىشاھنىڭ بۇ ئەرزنى قانداق بىر تەرەپ قىلغىنىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغان بولدى، چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ سۇلايمانغا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدىغان دانالىق بەرگىنىنى كۆردى. سۇلايمان پادىشاھ پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى تۆۋەندىكىلەر ئىدى: زادوقنىڭ ئوغلى ئازاريا روھانىي، شىشانىڭ ئوغۇللىرى ئەلىخورەف ۋە ئاخىيا پۈتۈكچى، ئاخىلۇدنىڭ ئوغلى يىھوشافات تەزكىرىچى، يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى، زادوق ۋە ئابىياتار روھانىي، ناتاننىڭ ئوغلى ئازاريا ۋەزىر، ناتاننىڭ ئوغلى روھانىي زابۇد پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىسى، ئاخىشار ئوردا غوجىدارى، ئابدانىڭ ئوغلى ئادورام ھاشارچىلارنىڭ باشقۇرغۇچىسى. سۇلايمان پادىشاھنىڭ پۈتۈن ئىسرائىلىيەدە ئۇنىڭ ئوردىسىنى يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەشكە مەسئۇل ئون ئىككى ئەمەلدارى بار ئىدى. ھەربىر ئەمەلدار ھەر يىلدا بىر ئايدىن يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەيتتى. ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ۋە مەسئۇل بولغان زېمىنلىرى مۇنداق ئىدى. بەنخۇر: ئەفرايىم تاغلىق رايونى، بەندەقەر: ماقاز، شائالبىم، بەيت-شەمەش ۋە ئېلون-بەيتخانان شەھەرلىرى، بەنخەسەد: ئارۇببوت (سوكوھ ۋە خېفەرنىڭ بارلىق زېمىنىمۇ ئۇنىڭغا قارايتتى)، بەن-ئابىناداب (سۇلايماننىڭ قىزى تافاتنىڭ ئېرى): نافات-دورنىڭ ھەممە يەرلىرى، ئاخىلۇدنىڭ ئوغلى بائانا: تاناك، مىگىددو ۋە يىزرىئەلنىڭ جەنۇبىدىكى زارىتانغا يېقىن بولغان بەيتشان ۋە ئۇ يەردىن يوقمىئامنىڭ قارشى تەرىپىدىكى ئابېل-مىخولاغىچە بولغان بارلىق يەرلەر، بەنگېبەر: گىلئادتىكى راموت (ۋە يەنە گىلئادتىكى ماناسسەنىڭ ئوغلى يائىر جەمەتىگە قاراشلىق شەھەرلەر ھەم باشان زېمىنىدىكى ئارگوب رايونى، تۇچ تاقاقلىق دەرۋازىلار ۋە سېپىل بىلەن قورشالغان ئاتمىش شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان)، ئىددونىڭ ئوغلى ئاخىناداب: ماخانايىم، ئاخىمائاز (سۇلايماننىڭ قىزى باسماتنىڭ ئېرى): نافتالى قەبىلىسىنىڭ زېمىنى، خۇشاينىڭ ئوغلى بائانا: ئاشېر قەبىلىسىنىڭ زېمىنى ۋە بىئالوت، پارۇۋاخنىڭ ئوغلى يىھوشافات: ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ زېمىنى، ئېلانىڭ ئوغلى شىمئى: بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ زېمىنى، ئۇرىنىڭ ئوغلى گەبەر: گىلئاد زېمىنى (بۇرۇنقى ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخون ۋە باشان پادىشاھى ئوگنىڭ زېمىنى). ئازاريا ۋەزىر بۇ زېمىنلارنىڭ ھەممىسىنى باشقۇراتتى. يەھۇدا قەبىلىسى ۋە باشقا ئىسرائىلىيە قەبىلىسىدىكىلەر خۇددى دېڭىز بويىدىكى قۇمدەك كۆپ ئىدى. ئۇلار يەپ-ئىچىپ، خۇشال-خۇرام ياشايتتى. سۇلايمان فىرات دەرياسىدىن تارتىپ فىلىستىيەلىكلەر زېمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا تاكى مىسىر چېگراسىغىچە بولغان پۈتۈن پادىشاھلىقلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. بۇ دۆلەتلەر سۇلايمان ھايات چېغىدا ئۇنىڭغا ئولپان تاپشۇرۇپ، ئىزچىل تۈردە ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى. سۇلايمان پادىشاھ ئوردىسىنىڭ كۈندىلىك يېمەكلىكلىرى ئۈچۈن ئىككى توننا سۈپەتلىك ئۇن، تۆت توننا ئاددىي ئۇن، بوردالغان 10 كالا، يايلاقتا بېقىلغان 20 كالا، 100 قوي كېتەتتى، بۇنىڭدىن باشقا بۇغا، جەرەن، كېيىك ۋە سېمىز ئۇچار قاناتلار كېتەتتى. سۇلايمان پادىشاھ تىفساختىن تاكى گازاغىچە بولغان فىرات دەرياسىنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ تۆت ئەتراپى تىنچ ئىدى. سۇلايمان پادىشاھ ھايات چېغىدا يەھۇدىيە بىلەن ئىسرائىلىيەدىكى داندىن تارتىپ بەئەرشەباغىچە بولغان خەلقنىڭ ھەممىسى ئۆز ئۈزۈم باراڭلىرى ۋە ئەنجۈر دەرەخلىرى ئاستىدا تىنچ-ئامان ھايات كەچۈردى. سۇلايمان پادىشاھنىڭ جەڭ ھارۋىلىرىنى قويىدىغان ئاتخانىلىرىدىن 4 مىڭى ۋە ئاتلاردىن 12 مىڭى بار ئىدى. يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئەمەلدارلار ھەر ئايدا سۇلايمان پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھەمداستىخان بولىدىغانلارنىڭ يېمەكلىكلىرىنى كەم قالدۇرماي نۆۋەتلىشىپ تەمىنلىشەتتى. ئۇلار ئارغىماقلار ۋە باشقا ئاتلار ئۈچۈن ئارپا ۋە سامانلارنىمۇ ئۆز نۆۋىتى بويىچە بەلگىلەنگەن يەرگە يەتكۈزۈپ بېرىشەتتى. خۇدا سۇلايمانغا دانالىق، زىيادە ئەقىل-پاراسەت ۋە دېڭىز ساھىلىدىكى قۇملاردەك چەكسىز ھېكمەت ئاتا قىلغانىدى. ئۇ دانالىقتا شەرقتىكى ۋە مىسىردىكى بارچە دانىشمەنلەرنى بېسىپ چۈشەتتى. ئۇنىڭ دانالىقى ھەرقانداق ئادەمدىن، جۈملىدىن ئەزراخنىڭ ئوغلى ئېتان بىلەن ماخولنىڭ ئۈچ ئوغلى _ ھېمان، كالكول ۋە داردانىڭكىدىنمۇ ئارتۇق ئىدى. ئۇنىڭ داڭقى تۆت ئەتراپتىكى پۈتكۈل دۆلەتلەرگە يېيىلغانىدى. ئۇنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى 3000غا، يازغان شېئىرلىرى 1005كە يەتكەنىدى. ئۇ ھەر خىل دەل-دەرەخلەر، لىۋان تاغلىرىدا ئۆسىدىغان كېدىر دەرىخىدىن تارتىپ، تامدىن ئۆسۈپ چىقىدىغان لېپەكگۈلگىچە سۆزلەپ ئۆتكەن. ھايۋاناتلار، ئۇچار قاناتلار، ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار ۋە بېلىقلار ئۈستىدىمۇ توختالغان. يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار سۇلايماننىڭ دانالىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرىنى ئاڭلاپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتىشەتتى. تىر پادىشاھى ھىرام داۋۇت پادىشاھ بىلەن ئۇزۇن يىللاردىن بېرى يېقىن دوستلاردىن بولغاچقا، سۇلايماننىڭ، ئاتىسى داۋۇتنىڭ ئورنىغا پادىشاھلىققا تىكلەنگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۆز ئەلچىلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا سالامغا ئەۋەتتى. سۇلايمان ھىرامغا مۇنۇ سۆزلەرنى يوللىدى: «ئۆزلىرىگە مەلۇمكى، ئاتام داۋۇت ئۆپچۆرىسىدىكى دۈشمەنلەر بىلەن بولغان جەڭلەر تۈپەيلىدىن، پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ نام-شەرىپىگە ئاتاپ ئىبادەتخانا سالدۇرالمىغانىدى. ئاتام، پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىنى تاپىنى ئاستىغا چۈشۈرۈشىنى ساقلىغانىدى. لېكىن ھازىر پەرۋەردىگارىم خۇدا ھەر تەرەپتىن ماڭا ئاراملىق بەردى. دۈشمەنمۇ قالمىدى، ئۇلارنىڭ ھۇجۇم قىلىش خەۋپىمۇ قالمىدى. پەرۋەردىگار، ئاتام داۋۇتقا: ‹مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ ئىبادەتخانا سالغۇچى _ مەن سېنىڭ تەختىڭدە ئولتۇرغۇزىدىغان ئوغلۇڭدۇر› دېگەنىدى. شۇڭا مەن ئەمدى، پەرۋەردىگارىم خۇدانىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سېلىش قارارىغا كەلدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزلىرى ئادەملىرىگە مەن ئۈچۈن لىۋان تاغلىرىدىكى كېدىر دەرەخلىرىنى كېسىپ بېرىشكە بۇيرۇق بەرگەيلا. مېنىڭ ئادەملىرىم سىلىنىڭ ئادەملىرى بىلەن بىللە ئىشلىسۇن، ئادەملىرىنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆزلىرىنىڭ دېگىنى بويىچە بېرىمەن. چۈنكى، ئۆزلىرىگە مەلۇم، بىزنىڭ ئارىمىزدا سىلەر سىدونلۇقلاردەك ئۇستا ياغاچ كەسكۈچىلەر يوق.» ھىرام سۇلايماننىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، تولىمۇ خۇشال بولدى ۋە: «بۇنداق زور خەلققە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن، داۋۇتقا مۇشۇنداق بىر ئەقىللىق ئوغۇلنى بەرگەن پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن!» دېدى. ئاندىن ھىرام سۇلايمانغا مۇنۇ سۆزلەرنى يوللىدى: «ماڭا ئەۋەتكەن سۆزلىرىنى ئاڭلىدىم. سىلىنىڭ خائىشلىرى بويىچە بارلىق كېدىر ۋە قارىغاي ياغاچلىرىنى مەن ئۆزۈم تەمىنلەپ بېرىمەن. مېنىڭ ئادەملىرىم بۇ ياغاچلارنى لىۋاندىن ئېلىپ چىقىپ، باغلاپ سال قىلىپ، سىلى كۆرسەتكەن يەرگە دېڭىز ئارقىلىق ئېقىتىپ ئېلىپ بارىدۇ. ئادەملىرىم شۇ يەردە ياغاچلارنى چۇۋۇغاندىن كېيىن توشۇپ ئەكەتسەڭلار بولىدۇ. مېنىڭمۇ بىر تەلىپىم بار: سىلى ئوردامنى ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن تەمىن ئەتكەيلا.» شۇنىڭ بىلەن ھىرام سۇلايمانغا كېرەكلىك بولغان كېدىر ۋە قارىغاي ياغاچلىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى. سۇلايمانمۇ ھىرامنىڭ بۇ ئەجىرلىرىنىڭ بەدىلىگە ئۇنىڭغا ئىككى مىڭ توننا بۇغداي، ئۈچ مىڭ لىتىر ساپ زەيتۇن يېغى بەردى. سۇلايمان ھىرامنى ھەر يىلى ئەنە شۇنداق تەمىنلەپ تۇردى. پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ ۋەدىسى بويىچە سۇلايمانغا دانالىق بەردى. ھىرام بىلەن سۇلايمان ئۆزئارا كېلىشىم تۈزۈپ، تىنچلىقنى داۋاملاشتۇردى. سۇلايمان پادىشاھ ئىسرائىل خەلقى ئىچىدىن ھاشارچىلارنى يىغدى. ئۇلارنىڭ سانى 30 مىڭ ئادەم ئىدى. ئۇلاردىن ھەر ئايدا نۆۋەت بىلەن 10 مىڭ ئادەمنى لىۋان تاغلىرىغا ئەۋەتەتتى. ئۇلار لىۋان تاغلىرىدا بىر ئاي، ئۆيىدە ئىككى ئاي تۇراتتى. ھاشارچىلارنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئادورام ئىدى. سۇلايمان پادىشاھنىڭ تاغدا تاش-ياغاچ توشۇيدىغان ئادىمىدىن 70 مىڭ، تاش قازىدىغان ئادىمىدىن 80 مىڭى بار ئىدى. ئۇلاردىن باشقا يەنە سۇلايماننىڭ ئىشلەمچىلەرنى نازارەت قىلىدىغان ۋە ئىشنىڭ بېشىدا تۇرىدىغان 3300 نەپەر ئەمەلدارلىرى بار ئىدى. پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە كىشىلەر ھەم يوغان ھەم سۈپەتلىك تاشلارنى قېزىپ چىقىرىپ، ئۇلارنى يونۇپ تەييارلىغاندىن كېيىن، ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلى قىلىشقا ئىشلەتتى. شۇنداق قىلىپ سۇلايماننىڭ ۋە ھىرامنىڭ ھۈنەرۋەنلىرى گىبال شەھىرىدىن كەلگەنلەر بىلەن بىللە تاشلارنى يونۇپ، ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىغا كېتەرلىك تاش-ياغاچلارنى تەييارلاشتى. ئىسرائىل خەلقى مىسىردىن چىققاندىن كېيىنكى 480-يىلى _ سۇلايمان ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرغان تۆتىنچى يىلىنىڭ زىۋ ئېيىدا، يەنى ئەتىيازنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى سېلىشنى باشلىدى. سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سالغان ئىبادەتخانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 30 مېتىر، كەڭلىكى 10 مېتىر، ئېگىزلىكى 15 مېتىر ئىدى. تاشقىرىقى خانا ئايۋىنىنىڭ كەڭلىكى ئىبادەتخانىنىڭ كەڭلىكىگە تەڭ بولۇپ، كەڭلىكى ئون مېتىر، ئۇزۇنلۇقى بەش مېتىر ئىدى. يەنە ئىبادەتخانىغا ئىچى تەرىپى كەڭ، تېشى تەرىپى تار قىلىپ پەنجىرىلەر ياسالدى. ئىبادەتخانىنىڭ تاشقىرىقى ۋە ئىچكىرىكى خانىلىرىنى ئوراپ تۇرىدىغان تاملارنىڭ سىرتقى ئۈچ تەرىپىگە يان خانىلارنى قوشتى. يان خانىلارنىڭ ئاستىنقى قەۋىتىنىڭ كەڭلىكى ئىككى يېرىم مېتىر؛ ئوتتۇرا قەۋىتىنىڭ كەڭلىكى ئۈچ مېتىر؛ ئۈچىنچى قەۋىتىنىڭ كەڭلىكى ئۈچ يېرىم مېتىر ئىدى. چۈنكى ياغاچلارنى ئىبادەتخانا تاملىرىغا كىرگۈزۈشكە تۆشۈك تېشىش ھاجەت بولمىسۇن دەپ، ئىبادەتخانىنىڭ ئۈچ تېمىغا ياغاچلارنىڭ ئۇچىنى قويىدىغان تەكچىلەر ياسالدى. ئىبادەتخانا ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان تاشلار تاش قېزىش مەيدانىدا ئالدىن تەييارلىناتتى. شۇڭا ئىبادەتخانىنى سالغان چاغدا، ئىبادەتخانىدا بولقا، جوتۇ ياكى باشقا ھەرقانداق بىر تۆمۈر ئەسۋابلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلانمايتتى. ئىككىنچى قەۋەتتىكى يان خانىلارنىڭ ئىشىكى ئىبادەتخانىنىڭ جەنۇب تەرىپىدە بولۇپ، ئايلانما پەلەمپەيلەر ئارقىلىق ئوتتۇرا قەۋەتتىكى ھۇجرىلارغا، ئوتتۇرا قەۋەتتىن ئۈچىنچى قەۋەتكە چىققىلى بولاتتى. سۇلايمان پادىشاھ ئىبادەتخانا تاملىرىنى سېلىپ بولغاندىن كېيىن، تورۇسىنى كېدىر ياغاچلىرى ۋە تاختايلىرى بىلەن ياپتى. ئىبادەتخانىغا قوشقان يان خانىلارنىڭ ھەر قەۋىتىنىڭ ئېگىزلىكى ئىككى يېرىم مېتىردىن بولۇپ، ئۇلار كېدىر ياغاچلىرى بىلەن ئىبادەتخانىغا تۇتاشتۇرۇلغانىدى. پەرۋەردىگاردىن سۇلايمانغا ۋەھىي كەلدى: «سەن بۇ ئىبادەتخانىنى سېلىۋاتىسەن. مېنىڭ ساڭا دەيدىغىنىم شۇكى، ئەگەر سەن ئەمر-پەرمانلىرىم بويىچە مېڭىپ، بارلىق قائىدە-تۈزۈملىرىمگە ئەمەل قىلساڭ، مەن ئاتاڭ داۋۇتقا بەرگەن ۋەدەمنى سەن ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. مۇشۇ يەردە، خەلقىم ئىسرائىللار ئارىسىدا تۇرىمەن ۋە ئۇلارنى تەرك ئەتمەيمەن.» شۇنداق قىلىپ سۇلايمان پادىشاھ ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى. ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكى تېمىغا يەردىن تورۇسىغىچە پۈتۈنلەي كېدىر تاختىيى ئورنىتىلىپ، يەرگە قارىغاي تاختىيى ياتقۇزۇلدى. يەنە ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئىچكى تېمىدىن ئالدىغا ئون مېتىر ئارىلىق قالدۇرۇپ، يەر يۈزىدىن تورۇسىغىچە كېدىر تاختىيىدىن تام تۇرغۇزۇلۇپ، ئىچكىرىكى خانا، يەنى ئەڭ مۇقەددەس خانا ھازىرلاندى. ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئالدىدىكى تاشقىرىقى خانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20 مېتىر ئىدى. تاملار كېدىر تاختايلىرى بىلەن قاپلانغان بولۇپ، تاشلار ئەسلا كۆرۈنۈپ قالمايتتى. كېدىر تاختايلىرىغا قاپاق ۋە ئېچىلىپ تۇرغان گۈللەر ئويۇلغانىدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قويىدىغان خانا، ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئىچكىرىگە جايلاشتۇرۇلدى. ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكى ئوخشاشلا ئون مېتىر بولۇپ، ھەممە يېرى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلانغانىدى. ئۇنىڭ ئالدىدىكى كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان ئىسرىقدانمۇ ئالتۇن بىلەن قاپلانغانىدى. سۇلايمان پادىشاھ ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاتتى. ئالتۇن بىلەن قاپلانغان ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئالدىغا ئالتۇن زەنجىر ئېسىپ قويدى. سۇلايمان پادىشاھ ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىدىكى ھەممە يەرنى ۋە ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئالدىدىكى ئىسرىقداننىمۇ پۈتۈنلەي ئالتۇن بىلەن قاپلاتتى. ئىچكىرىكى خانىغا زەيتۇن دەرىخىنىڭ ياغىچىدىن ئېگىزلىكىنى بەش مېتىردىن قىلىپ ئىككى كېرۇبنىڭ ھەيكىلىنى ياساتتى. بىرىنچى كېرۇبنىڭ ھەر ئىككى قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئوخشاشلا ئىككى يېرىم مېتىردىن ئىدى. بۇ قانىتىنىڭ ئۇچىدىن ئۇ قانىتىنىڭ ئۇچىغىچە جەمئىي بەش مېتىر كېلەتتى. ئىككىنچى كېرۇبنىڭ ئىككى قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ بەش مېتىر ئىدى. ئىككى كېرۇبنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە شەكلىمۇ ئوخشاش ئىدى. ئىككى كېرۇبنىڭ ئېگىزلىكى ئوخشاشلا بەش مېتىردىن ئىدى. ئۇ، ئىككى كېرۇبنى ئىچكىرىكى خانىغا قويدى. كېرۇبلار قاناتلىرىنى كېرىپ تۇراتتى، بىرىنچى كېرۇبنىڭ بىر قانىتى بۇ تەرەپتىكى تامغا تېگىپ تۇرسا، يەنە بىر كېرۇبنىڭ بىر قانىتى ئۇ تەرەپتىكى تامغا تېگىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ قالغان قانىتى ئىبادەتخانىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر-بىرىگە تېگىشىپ تۇراتتى. ئۇ، بۇ ئىككى كېرۇبنىمۇ ئالتۇن بىلەن قاپلاتتى. ئىچكىرىكى ۋە تاشقىرىقى خانىنىڭ ھەممە تاملىرىغا كېرۇب، خورما دەرىخى ۋە ئېچىلىپ تۇرغان گۈللەرنىڭ شەكىللىرىنى ئويۇپ نەقىشلەتكۈزدى. ئىچكىرىكى ۋە تاشقىرىقى خانىنىڭ يەر يۈزىگە ئالتۇن ياتقۇزدى. سۇلايمان پادىشاھ ئىچكىرىكى خانىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا زەيتۇن ياغىچىدىن ئىشىك ياساتتى. ئىشىك كېشىكىنىڭ كەڭلىكى تامنىڭ كەڭلىكىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيتتى. ئۇ زەيتۇن ياغىچىدىن ياساتقان ئىككى ئىشىكنىڭ يۈزىگە كېرۇب، خورما دەرىخى ۋە ئېچىلىپ تۇرغان گۈللەرنىڭ شەكىللىرىنى ئويۇپ نەقىشلەتكۈزدى. ئۇ يەنە نەقىشلەرنى ئالتۇن بىلەن تەكشى قاپلاتتى. ئۇ يەنە تاشقىرىقى خانىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا زەيتۇن ياغىچىدىن ئىشىك كېشىكى ياساتتى. ئۇنىڭ كەڭلىكى تامنىڭ كەڭلىكىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيتتى. قارىغاي ياغىچىدىن ئىككى ئىشىك ياساتتى، بۇ ئىككى ئىشىكنىڭ ھەربىرى ئىككى قاناتلىق بولۇپ، مۇجۇققا ئورنىتىلغانىدى. ئۇ ئۇلارغا يەنە كېرۇب، خورما دەرىخى ۋە ئېچىلىپ تۇرغان گۈللەرنىڭ شەكىللىرىنى ئويۇپ نەقىشلەتكۈزدى. بۇ نەقىشلەرنىمۇ ئالتۇن بىلەن تەكشى قاپلاتتى. ئۇ يەنە ھەر ئۈچ قەۋەت يونۇلغان تاش ئۈستىگە بىر قەۋەت كېدىر ياغىچى قويۇلغان تام قوپۇرۇپ، ئىچكىرىكى ھويلىنى پۈتتۈرۈپ چىقتى. سۇلايمان پادىشاھ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ تۆتىنچى يىلى زىۋ ئېيىدا، يەنى ئەتىيازنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئۇل سېلىنغانىدى. 11-يىلى بۇل ئېيىدا، يەنى كەچ كۈزدە ئىبادەتخانىنىڭ ھەرقايسى بۆلەكلىرىدە ئىش پىلان بويىچە پۈتتى. سۇلايمان پادىشاھ يەتتە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئىبادەتخانىنى ياساپ چىقتى. ۋاھالەنكى، سۇلايمان پادىشاھ ئۆزىگە سالدۇرغان ئوردىنى پۈتتۈرۈشكە 13 يىل ۋاقىت سەرپ قىلدى. ساراي دېرىزىلىرىنىڭ ئىچى تەرىپى كەڭ، تېشى تەرىپى تار ئىدى. ساراينىڭ ئىككى تېمىدىكى دېرىزىلەر ئۈچ قۇردىن بولۇپ، بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇراتتى. ھەممە ئىشىكلەرنىڭ كېشەكلىرى تۆت چاسا ئىدى. دېرىزىلەر ئۈچ قۇردىن بولۇپ، بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇراتتى. ئۇ يەنە «تۈۋرۈك سارىيى»نى ياساتتى. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 25 مېتىر، كەڭلىكى 15 مېتىر ئىدى. ئۇ «تۈۋرۈك سارىيى» ئالدىغا تۈۋرۈكلەرنى ئورنىتىپ، بىر ئايۋان سالدۇردى. سۇلايمان پادىشاھ يەنە تەخت تۇرىدىغان ساراينى سالدۇردى ۋە ئۇنى «ھۆكۈم سارىيى» دەپ ئاتىدى. ئۇ شۇ يەردە ھۆكۈم چىقىراتتى. ساراينىڭ ئاستىغا بۇ چېتىدىن ئۇ چېتىگىچە كېدىر تاختىيى ياتقۇزۇلدى. سۇلايماننىڭ ئۆزى تۇرىدىغان ئوردىسى «ھۆكۈم سارىيى» ئارقىسىدىكى بىر ھويلىدا بولۇپ، ئۇنىڭ قۇرۇلۇشىمۇ ئوخشاش ئىدى. ئۇ ئۆز ئەمرىگە ئالغان پىرئەۋننىڭ قىزى ئۈچۈنمۇ بىر ئوردا ياساتتى، ئۇنىڭ قۇرۇلۇشى ئاشۇ «تۈۋرۈك سارىيى»نىڭكىگە ئوخشاش ئىدى. ھەممە ئىمارەتلەرگە ئۇلىدىن تارتىپ ئۆگزىسىگىچە، ئۆلچەم بويىچە يونۇلغان، ئالدى-كەينى ئېكەك بىلەن تەكشى تۈزلەنگەن سۈپەتلىك تاشلار ئىشلىتىلگەن. چوڭ ھويلىنىڭ تېمىمۇ شۇ خىل تاشلار بىلەن قوپۇرۇلغانىدى. ئۇلىغا ئىشلىتىلگەن سۈپەتلىك، چوڭ تاشلارنىڭ ئىچىدە تۆت مېتىرلىقلىرىمۇ، بەش مېتىرلىقلىرىمۇ بار ئىدى. ئۇلىنىڭ ئۈستىگە ئۆلچەم بويىچە يونۇلغان سۈپەتلىك تاشلار ۋە كېدىر لىم ياغاچلىرى قويۇلغانىدى. ئوردىنىڭ چوڭ ھويلىسىنى چۆرىدەپ ياسالغان تاملار ھەر ئۈچ قەۋەت يونۇلغان تاش ئۈستىگە بىر قەۋەت كېدىر ياغىچى قويۇپ قوپۇرۇلغان بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىسى ۋە ئايۋىنىنىڭ تاملىرىمۇ شۇ تەرىقىدە قوپۇرۇلغانىدى. سۇلايمان ئادەم ئەۋەتىپ ھۇرامنى تىردىن ئەكەلدۈردى. ھۇرام نافتالى قەبىلىسىدىن بولغان بىر تۇل خوتۇننىڭ بالىسى ئىدى. ئۇنىڭ ئاتىسى تىرلىق مىسكەر ئىدى. ھۇرام مىسكەرچىلىككە ئائىت ھەرقانداق ئىشتا پاراسەتلىك، ئىقتىدارلىق ۋە بىلىملىك ئىدى. ئۇ سۇلايمان پادىشاھنىڭ يېنىغا كېلىپ، پادىشاھنىڭ ھەممە ئىشىنى قىلدى. ھۇرام ئېگىزلىكى توققۇز مېتىر، ئايلانما ئۇزۇنلۇقى ئالتە مېتىر كېلىدىغان ئىككى تۇچ تۈۋرۈك ياسىدى. تۈۋرۈكنىڭ ئۇچىغا ئورنىتىدىغان ئىككى باشنى تۇچتىن قۇيۇپ چىقتى. تۈۋرۈك بېشىنىڭ ھەربىرىنىڭ ئېگىزلىكى ئىككى يېرىم مېتىردىن ئىدى. تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشىغا، ئۆرۈلگەن زەنجىرلەردىن ھاسىل بولغان چاقماق شەكىللىك تورسىمان بېزەك قويۇلدى. ھەر ئىككى باش مۇشۇنداق تورلار بىلەن ئورالغانىدى. ئۇ يەنە تۇچتىن تۈۋرۈك بېشىدىكى تورلارنى ئوراپ تۇرىدىغان ئىككى قۇر ئانار ياسىدى. ھەر ئىككى باش ئانارلار بىلەن قاپلانغانىدى. ئايۋان ئالدىدىكى تۈۋرۈك باشلىرىنىڭ ئۈستىگە ئىككى مېتىر ئېگىزلىكتە پىيازگۈل شەكلىدە بېزەك ياسالغانىدى. ھەر ئىككى تۈۋرۈكنىڭ باشلىرىدا، يەنى تورسىمان بېزەكنىڭ قېشىدىكى كۆپتۈرمە نەقىش ئۈستىدە ئىككى قۇر ئانار بار بولۇپ، بۇ قۇرلاردا جەمئىي 200 دانە ئانار بار ئىدى، ئۇلار تۈۋرۈك باشلىرىنى ئوراپ تۇراتتى. ھۇرام بۇ ئىككى تۈۋرۈكنى تاشقىرىقى خانا ئايۋىنىنىڭ ئالدىغا تۇرغۇزدى. جەنۇب تەرەپكە قويۇلغان تۈۋرۈككە «ياكىن» [مەنىسى «خۇدا تىكلەيدۇ»]، شىمال تەرەپكە قويۇلغان تۈۋرۈككە «بوئاز» [مەنىسى «خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن»] دەپ ئات قويدى. تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشى پىيازگۈلسىمان قىلىپ ياسالدى. شۇنداق قىلىپ تۈۋرۈكلەرنى ياساش ئىشى ئاخىرلاشتى. ھۇرام يەنە كەڭلىكى بەش مېتىر، چوڭقۇرلۇقى ئىككى يېرىم مېتىر، ئايلانمىسى 15 مېتىر كېلىدىغان، «دېڭىز» دەپ ئاتالغان يۇمىلاق شەكىلدىكى تۇچ داڭقان قۇيدى. تۇچ داڭقاننىڭ گىرۋىكى ئاستىغا ئىككى قۇر قاپاق شەكىللىك نەقىش چىقىرىلغان. ھەر مېتىر ئارىلىققا يىگىرمە قاپاق قۇيۇلغان بولۇپ، ئۇلار داڭقان قۇيۇلغان چاغدىلا بىللە قۇيۇلۇپ چىققانىدى. داڭقان ئون ئىككى تۇچ بۇقىلارنىڭ ئۈستىگە قويۇلغانىدى. بۇقىلارنىڭ ئۈچى شىمالغا، ئۈچى غەربكە، ئۈچى جەنۇبقا، ئۈچى شەرققە قارىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قۇيرۇقلىرى ئىچى تەرەپكە قارايتتى. داڭقاننىڭ قېلىنلىقى سەككىز سانتىمېتىر بولۇپ، گىرۋىكى خۇددى پىيالىنىڭ گىرۋىكىگە ھەم پىيازگۈلنىڭ گۈلىگە ئوخشايتتى. 44 مىڭ لىتىر سۇ سىغاتتى. ھۇرام يەنە ھەربىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى ئىككى مېتىر، ئېگىزلىكى بىر يېرىم مېتىر كېلىدىغان تۇچ داسلارنى قويىدىغان تۇچ ھارۋىدىن ئوننى ياسىدى. ھارۋىلار مۇنداق شەكىلدە ياسالدى: ھارۋىلارنىڭ ئاستى، ئۈستى ئىككى دانە تۆت چاسا رامكىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ رامكىلار تۆت بۇرجىكىدىن تۆت دانە خادا بىلەن تۇتاشتۇرۇلغانىدى. خادىلار ئارىسىدىكى تۆت چاسا رامكىلارغا شىر، بۇقا ۋە كېرۇبلارنىڭ شەكىللىرى قۇيۇلغانىدى. شىر بىلەن بۇقىلارنىڭ ئاستى ۋە ئۈستىدىكى خادىلارغا گۈلچەمبىرەكلەردىن نەقىش چىقىرىلغانىدى. ھەربىر ھارۋىدا تۇچ چاقتىن تۆتى ۋە چاقلارنى تۇتاشتۇرىدىغان تۇچ ئوقلار بار ئىدى. داسنى تىرەپ تۇرۇش ئۈچۈن ياسالغان پۇتلاردىن تۆتى بار بولۇپ، پۇتلارنىڭ ھەر تەرىپىگە گۈلچەمبىرەكلەردىن نەقىش چىقىرىلغانىدى. ھەربىر ھارۋىنىڭ ئۈستىدە داسنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان بىر يۇمىلاق قۇرۇلما بار ئىدى. ئۇنىڭ دىيامېتىرى 75 سانتىمېتىر، ھارۋىدىن چىقىپ تۇرىدىغان ئېگىزلىكى يېرىم مېتىر بولۇپ، ئۇمۇ نەقىشلەنگەنىدى. لېكىن رامكىلار يۇمىلاق ئەمەس، بەلكى تۆت چاسا ئىدى. ھارۋىلارنىڭ تۆت چاقى رامكىلارنىڭ ئاستىدا بولۇپ، ئوقلىرى ھارۋىغا تۇتىشىپ تۇراتتى. ھەربىر چاقنىڭ ئېگىزلىكى 75 سانتىمېتىر ئىدى. چاقلار جەڭ ھارۋىسىنىڭ چاقلىرىنىڭ تۈزۈلۈشىگە ئوخشاش بولۇپ، چاق ئوقى، چاق ئۇلتىڭى، گۈگۈسۈنى ۋە چاق مەركىزىنىڭ ھەممىسى تۇچتىن قۇيۇلغانىدى. ھەربىر ھارۋىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدا بىردىن تىرەك بولۇپ، ئۇلار ھارۋا بىلەن بىر گەۋدە ئىدى. ھارۋىنىڭ ئۈستىدىكى يۇمىلاق قۇرۇلمىنىڭ ئېگىزلىكى 25 سانتىمېتىر كېلەتتى. يۇمىلاق قۇرۇلما تىرەكلەر بىلەن ھارۋىنىڭ تۆت چاسا رامكىلىرىغا تۇتاشتۇرۇلۇپ مۇقىملاشتۇرۇلغانىدى. تىرەك بىلەن رامكىلارنىڭ ھەربىر يۈزىگە كېرۇب، شىر ۋە خورما دەرەخلىرىنىڭ شەكىللىرى ئويۇلغان بولۇپ، ھەممە قىرلىرى گۈلچەمبىرەكلەردىن نەقىشلەنگەنىدى. ئون ھارۋىنىڭ ھەممىسى شۇ شەكىلدە ياسالغانىدى. ئۇلار بىر قېلىپتا قۇيۇپ چىقىلغان بولۇپ، ئۆلچىمى ۋە شەكلى بىر-بىرىگە ئوخشاش ئىدى. ھۇرام يەنە دىيامېتىرلىرى ئىككى مېتىر كېلىدىغان، ھەربىرىگە 900 لىتىر سۇ پاتىدىغان ئون تۇچ داس ياسىدى. ئون ھارۋىنىڭ ھەربىرىگە بىردىن تۇچ داس قويۇلدى. ئون ھارۋىنىڭ بەشىنى ئىبادەتخانىنىڭ جەنۇبىغا، بەشىنى ئىبادەتخانىنىڭ شىمالىغا قويدى. داڭقاننى ئىبادەتخانىنىڭ شەرقىي جەنۇب بۇرجىكىگە ئورۇنلاشتۇردى. ھۇرام يەنە كۈلدان، گۈرجەك ۋە داسلارنى ياسىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا سۇلايمان پادىشاھ ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ھەممە ئىشنى پۈتتۈردى. ئۇنىڭ ياسىغانلىرى مۇنۇلاردىن ئىبارەت: ئىككى تۈۋرۈك، تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشىغا ياسالغان قاچا شەكىللىك ئىككى فورما، قاچا شەكىللىك فورمىلارنى يېپىپ تۇرىدىغان ئىككى تورسىمان بېزەك، تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشىدىكى قاچا شەكىللىك ئىككى فورمىنى يېپىپ تۇرىدىغان تورسىمان بېزەكلەرنىڭ ھەر بىرىگە ئىككى قۇردىن ياسالغان 400 دانە ئانار، ئون ھارۋا، ھارۋا ئۈستىدىكى ئون تۇچ داس، داڭقان ۋە داڭقان ئاستىدىكى ئون ئىككى بۇقا، كۈلدان، گۈرجەك ۋە داس. سۇلايمان پادىشاھنىڭ تەلىپى بىلەن ھۇرام پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ياسىغان بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى پارقىراق تۇچتىن ياساپ چىقتى. پادىشاھ بۇلارنى ئىئوردان تۈزلەڭلىكىدە، سۇككوت بىلەن زارىتاننىڭ ئوتتۇرىسىدا سېغىز لاي قېلىپلاردا قۇيدۇرۇپ ياساتتى. بۇ نەرسىلەر تولىمۇ كۆپ بولغاچقا، سۇلايمان ئۇلارنى ئۆلچەتمەي ئىشلىتىۋەردى. شۇنداق قىلىپ ئىشلىتىلگەن بارلىق تۇچلارنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ ھېسابى ئېنىقلانمىدى. سۇلايمان يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى بارلىق بۇيۇملارنى ياساتقۇزدى. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: ئالتۇن ئىسرىقدان، خۇداغا سۇنۇلىدىغان نانلارنى تىزىدىغان ئالتۇن شىرە، ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئالدىغا ئوڭ تەرىپىگە بەشتىن، سول تەرىپىگە بەشتىن قويۇلىدىغان ساپ ئالتۇن چىراغدان، چىراغداننىڭ ئالتۇن گۈللۈك نەقىشلىرى، ئالتۇن چىراغلىرى، ئالتۇن پىلىك قىسقۇچلار، ساپ ئالتۇن پىيالە، پىلىك قايچىسى، داس، ئىسرىق تەخسىسى ۋە ئوتدانلار، ئەڭ مۇقەددەس جاي بولغان ئىچكىرىكى خانىنىڭ ۋە تاشقىرىقى خانىنىڭ ئىشىكلىرىنىڭ ئالتۇندىن ياسالغان مۇجۇقلىرى. شۇنداق قىلىپ سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قۇرۇپ چىقىش ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى تاماملاپ بولدى. سۇلايمان پادىشاھ ئاتىسى داۋۇتنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتىغان، ئالتۇن-كۈمۈش ۋە بۇيۇملىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەكەلدۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ خەزىنىلىرىگە قويدى. سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى داۋۇت شەھىرىدىن، يەنى سىئوندىن ئىبادەتخانىغا يۆتكەپ ئەكېلىش ئۈچۈن، ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنى، يەنى ھەرقايسى قەبىلە ۋە جەمەت باشلىقلىرىنىڭ ھەممىسىنى يېرۇسالېمدا ئۆزىنىڭ ئالدىدا جەم بولۇشقا بۇيرۇدى. شۇ سەۋەبتىن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئېتانىم ئېيىدىكى، يەنى باش كۈزدىكى كەپە تىكىش ھېيتىدا سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئالدىغا جەم بولدى. سۇلايمان پادىشاھ ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا جەم بولۇپ، نۇرغۇنلىغان قوي-كالىلارنى قۇربانلىق قىلىشتى. قۇربانلىقلارنىڭ سانى ھېسابسىز بولۇپ، سانىنى ئېلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئاندىن روھانىيلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئۆز جايىغا، يەنى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرىكى قىسمىدىكى ئەڭ مۇقەددەس خانىغا ئېلىپ كىرىپ، ئىككى كېرۇبنىڭ قانىتى ئاستىغا قويدى. كېرۇبلارنىڭ يېيىلىپ تۇرغان قاناتلىرى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىنى ئوراپ، ئەھدە ساندۇقى بىلەن ئۇنى كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى ئۈستىدىن يېپىپ تۇراتتى. بۇ بالداقلار ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇچىنى مۇقەددەس جاينىڭ ئىچىدە _ ئىچكىرىكى خانىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ كۆرگىلى بولاتتى، لېكىن سىرتتىن كۆرۈنمەيتتى. بۇ بالداقلار تا بۈگۈنگىچە شۇ يەردە تۇرماقتا. ئەھدە ساندۇقى ئىچىدە مۇسا سىناي تېغىدا سېلىپ قويغان ئىككى تاش تاختىدىن باشقا ھېچ نەرسە يوق ئىدى. ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار شۇ تاغدا ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزگەنىدى. روھانىيلار مۇقەددەس جايدىن چىقىۋاتقاندا، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى بۇلۇت بىلەن تولغانىدى. بۇلۇت، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى ئىبادەتخانىنى قاپلىغاچقا، روھانىيلار ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالماي قالدى. بۇ چاغدا سۇلايمان پادىشاھ: _ ئى پەرۋەردىگار، سەن قويۇق قارا بۇلۇتلار ئىچىدە تۇرىمەن دېگەنىدىڭ. بۈگۈن مەن ساڭا ئاتاپ، مەڭگۈلۈك تۇرۇشۇڭ ئۈچۈن ھەيۋەتلىك بىر ئىبادەتخانا سالدىم، _ دەپ دۇئا قىلدى. ئاندىن سۇلايمان پادىشاھ بۇرۇلۇپ، ئۆرە تۇرغان پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىگە قاراپ، ئۇلارغا بەخت تىلىدى ۋە مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! ئۇ ئۆز ئاغزى بىلەن ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدىسىنى بۈگۈن ئۆز قۇدرىتى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇردى. ئۇ ئاتامغا: «مەن ئۆز خەلقىم ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان كۈندىن بۇيان نام-شەرىپىم ئۈچۈن ئىبادەتخانا سېلىشقا ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ شەھەرلىرىدىن ھېچقايسىسىنى تاللىمىدىم، بىراق خەلقىم ئىسرائىللار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا سېنى تاللىدىم» دېگەنىدى. ئاتام داۋۇتنىڭ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سالدۇرۇش نىيىتى بار ئىدى. ئەمما پەرۋەردىگار ئاتام داۋۇتقا: «مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ ئىبادەتخانا سېلىش نىيىتىدە بولغىنىڭ ياخشى ئىش، لېكىن ئىبادەتخانىنى سەن ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ئۆز پۇشتۇڭدىن بولغان ئوغلۇڭ سالىدۇ» دېگەنىدى. ھازىر پەرۋەردىگار ئۆز ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. مەن پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك، ئاتام داۋۇتقا ۋارىسلىق قىلىپ، ئىسرائىلىيە تەختىدە ئولتۇردۇم، ھەمدە بىز ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نامىغا ئاتاپ بۇ ئىبادەتخانىنى سالدۇردۇم. ئىبادەتخانىدا ئەھدە ساندۇقى ئۈچۈن بىر يەر ھازىرلىدىم. مانا ئەھدە ساندۇقىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدىسى، يەنى ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان چاغدا ئۇلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى تۇرۇپتۇ. سۇلايمان پادىشاھ پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى ئالدىدا پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ، قوللىرىنى كۆككە كۆتۈرۈپ مۇنداق دۇئا قىلدى: _ ئى پەرۋەردىگار _ بىز ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، ئاسمان ۋە زېمىندا ساڭا تەڭداش بولالايدىغان باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر. چىن قەلبىدىن سېنىڭ يولۇڭدا ماڭغان خىزمەتكارلىرىڭغا ئەھدەڭدە تۇرۇپ، ساداقىتىڭنى كۆرسىتىسەن. سەن خىزمەتكارىڭ ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدەڭدە تۇردۇڭ، ئۆز ئاغزىڭ بىلەن قىلغان ۋەدەڭنى مانا بۈگۈن ئۆز قۇدرىتىڭ بىلەن بەجا كەلتۈردۈڭ. ئى پەرۋەردىگار _ بىز ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، سەن خىزمەتكارىڭ ئاتام داۋۇتقا: «سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئۆزىنىڭ ئىش-ئەمەللىرىگە دىققەت قىلىپ، سەن ئالدىمدا قۇسۇرسىز يۈرگەندەك توغرا يولدا يۈرسە، مېنىڭ ئالدىمدا، ئىسرائىلىيە تەختىدە ئولتۇرۇشقا ئەۋلادىڭدىن ئادەم كەم بولمايدۇ» دەپمۇ ئېيتقانىدىڭ. ئەمدى ئاتامغا قىلغان بۇ ۋەدەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغايسەن. ئى بىز ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، خىزمەتكارىڭ بولغان ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدەڭنى ئادا قىلىشىڭنى ئۆتۈنىمەن! ئى خۇدا، سەن ئەجەبا زېمىندا تۇرامسەن؟ سەن ئاسمانلار ۋە ئەرشئەلاغا پاتمىغان يەردە، مەن سالغان بۇ ئىبادەتخانىغا پاتارسەنمۇ؟ ياق! شۇنداقتىمۇ، ئى پەرۋەردىگارىم خۇدا، خىزمەتكارىڭنىڭ دۇئا ۋە ئىلتىجاسىغا قۇلاق سالغايسەن، خىزمەتكارىڭنىڭ بۈگۈن سېنىڭ ئالدىڭدا قىلغان نىداسى ۋە نالىسىنى ئاڭلىغايسەن! سەن: «شۇ يەردە ياشايمەن» دەپ ئېيتقان بۇ ئىبادەتخانىغا كېچە-كۈندۈز كۆزلىرىڭنى تىككەيسەن. خىزمەتكارىڭنىڭ بۇ يەرگە يۈزلىنىپ تۇرۇپ قىلغان دۇئاسىغا قۇلاق سالغايسەن! خىزمەتكارىڭ ۋە ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللار بۇ يەرگە قاراپ دۇئا قىلغان چاغدا ئۇلارنىڭ ئىلتىجاسىغا قۇلاق سالغايسەن. دەرگاھىڭ بولغان ئەرشتە تۇرۇپ ئاڭلىغايسەن ۋە گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن. ئەگەر بىر ئادەم قوشنىسىغا گۇناھ قىلدى، دەپ ئەيىبلەنسە ۋە ئۇ ئادەم ئۆزىنىڭ گۇناھسىزلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قەسەم ئىچىشكە مەجبۇرلىنىپ، بۇ ئىبادەتخانىغا كېلىپ، سېنىڭ قۇربانلىق سۇپاڭ ئالدىدا قەسەم ئىچسە، سەن ئەرشتە تۇرۇپ ئاڭلاپ، ھەرىكەت قىلغايسەن، قۇللىرىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، گۇناھكارنى جازالىغايسەن، ئۇنىڭ قىلغىنىنى ئۆز بېشىغا قايتۇرغايسەن. بىگۇناھ كىشىگە ئۆز ھەققانىيىتىگە يارىشا ھەققىنى بەرگەيسەن. ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللار سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ قىلغانلىقى تۈپەيلى دۈشمەنلىرىدىن يېڭىلسە، ئاخىر يەنە ساڭا قايتىپ، نامىڭنى ئۇلۇغلاپ، بۇ ئىبادەتخانىدا تۇرۇپ ساڭا دۇئا قىلىپ، رەھىم قىلىشىڭنى تىلىسە، ئەرشتە تۇرۇپ ئاڭلاپ، ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارنى سەن ئاتا-بوۋىلىرىغا بەرگەن زېمىنغا قايتۇرۇپ كەلگەيسەن. ئۇلار سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ قىلغانلىقىدىن ئاسمانلار يېپىلىپ يامغۇر ياغمىسا، ئۇلار بۇ ئىبادەتخانىغا يۈزلىنىپ ساڭا دۇئا قىلىپ، نامىڭنى ئۇلۇغلاپ، مۈشكۈللۈكتە قالدۇرغانلىقىڭ ئۈچۈن، ئۆز گۇناھلىرىغا توۋا قىلىپ، يامانلىقتىن يانسا، ئەرشتە تۇرۇپ قۇلاق سېلىپ، قۇللىرىڭ، يەنى ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارغا ماڭىدىغان دۇرۇس يولنى كۆرسىتىپ، ئۆز خەلقىڭگە تەقسىم قىلىپ بەرگەن زېمىنغا شەپقەت قىلىپ، يامغۇر ياغدۇرغايسەن. ئەگەر بۇ زېمىندا ئاچارچىلىق بولۇپ، ۋابا تارقىلىپ، زىرائەتلەر ئىسسىق شامالدىن قۇرۇپ، نەم شامالدىن كۆكىرىپ كەتسە، چېكەتكە چۈشۈپ، قۇرت باسسا، ياكى دۈشمەنلەر ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنى قورشىۋالسا، مەيلى قانداق ئاپەتكە دۇچار بولسا ياكى كېسەل تارقالسا، ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللار ئىچىدىن مەيلى كىم بولسۇن، ئازابلىنىشىنىڭ ئۆز گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ، بۇ ئىبادەتخانىغا قاراپ، قوللىرىنى كۆتۈرۈپ دۇئا ۋە ئىلتىجا قىلسا، ئەرشتىكى دەرگاھىڭدا تۇرۇپ ئاڭلاپ، گۇناھلىرىنى كەچۈرۈم قىلغايسەن ۋە ھەربىر كىشىنىڭ قەلبىنى چۈشىنىپ، تۇتقان يولىغا قاراپ، ئۆز ھەققىنى بەرگەيسەن، چۈنكى سەنلا ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى بىلىسەن. ئۇلارنىڭ سەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئاتا قىلغان زېمىندا ئولتۇرۇپ، ئۆمۈر بويى سەندىن ئەيمىنىشى ئۈچۈن شۇنداق قىلغايسەن. ئەرشتىكى دەرگاھىڭدا تۇرۇپ قۇلاق سېلىپ، يات ئەل خەلقلىرىنىڭ ساڭا قىلغان بارلىق ئىلتىجالىرىنى ئىجابەت قىلغايسەن. يەر يۈزىدىكى بارلىق خەلقلەرنى ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىلغا ئوخشاش سېنىڭ نامىڭنى بىلىدىغان، سەندىن ئەيمىنىدىغان ۋە مەن سالغان بۇ ئىبادەتخانىنىڭ سېنىڭ نامىڭغا بېغىشلانغانلىقىنى بىلىدىغان قىلغايسەن. ئەگەر سەن ئۆز خەلقىڭنى دۈشمەنلىرىگە قارشى جەڭ قىلىشقا نەگىلا ئەۋەتسەڭ، ئۇلار سەن تاللىغان بۇ شەھەرگە ۋە مەن سېنىڭ نامىڭغا سالغان بۇ ئىبادەتخانىغا قاراپ ساڭا دۇئا قىلسا، ئەرشتە تۇرۇپ ئۇلارنىڭ دۇئا ۋە ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇلارغا ئادالەت كۆرسەتكەيسەن. ئۇلار ساڭا گۇناھ قىلغانلىقىدىن (گۇناھ قىلمايدىغان ئىنسان يوق) غەزىپىڭگە ئۇچراپ، دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالسا، دۈشمەنلەر ئۇلارنى مەيلى يىراق، ياكى يېقىن بولسۇن ئۆز يۇرتىغا تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ كەتسە، ئۇلار تۇتقۇن قىلىنىپ ئېلىپ كېتىلگەن يۇرتتا ھوشىنى تېپىپ توۋا قىلىپ، ساڭا: «بىز گۇناھ قىلدۇق، بىز خاتالاشتۇق، بىز يامانلىق قىلدۇق» دەپ رەھىم قىلىشىڭنى تىلەپ، ئۆزلىرىنى تۇتقۇن قىلغان دۈشمەنلەرنىڭ يۇرتىدا چىن قەلبى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ساڭا يۈزلىنىپ، سەن ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا ئىنئام قىلىپ بەرگەن زېمىن تەرەپكە تىكىلىپ، سەن تاللىغان بۇ شەھەر ۋە مەن سېنىڭ نامىڭغا سالدۇرغان بۇ ئىبادەتخانىغا يۈزلىنىپ دۇئا قىلسا، سەن ئەرشتىكى دەرگاھىڭدا ئۇلارنىڭ دۇئاسى ۋە ئىلتىجاسىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇلارغا ئادالەت كۆرسەتكەيسەن. خەلقىڭنىڭ ساڭا قىلغان گۇناھى ۋە ئىتائەتسىزلىكىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىنى تۇتقۇن قىلغۇچىلىرىدىن رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشتۈرگەيسەن. چۈنكى ئۇلار سېنىڭ ئۆز خەلقىڭ، سېنىڭ مۈلكۈڭدۈر. ئۇلارنى مىسىردىن _ تۆمۈر تاۋلاش ئوچىقىدىن ئۆزۈڭ ئېلىپ چىققانسەن. كۆزۈڭنى ئېچىپ، مەن خىزمەتكارىڭ ۋە ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللارغا نەزەر سالغايسەن، ئۇلارنىڭ ساڭا يالۋۇرۇپ قىلغان ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سالغايسەن. ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، چۈنكى سەن ئۆزۈڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندا خىزمەتكارىڭ مۇسا ئارقىلىق ئۇلارغا ۋەدە قىلغىنىڭدەك، ئۇلارنى يەر يۈزىدىكى خەلقلەر ئىچىدىن ئۆز مۈلكۈڭ بولۇشقا تاللىۋالغان ئەمەسمۇ؟ _ قىلغان بارلىق ۋەدىلىرى بويىچە ئۆز خەلقى ئىسرائىللارغا ئارام بەرگەن پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! ئۇنىڭ ئۆز خىزمەتكارى مۇسا ئارقىلىق قىلغان گۈزەل ۋەدىلىرىنىڭ ھېچبىرى ئەمەلگە ئاشماي قالمىدى. پەرۋەردىگارىمىز خۇدا خۇددى ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا يار بولغاندەك بىزگىمۇ يار بولغاي، بىزدىن ۋاز كەچمىگەي ھەم بىزنى تاشلىۋەتمىگەي. ئەكسىچە، قەلبىمىزنى ئۆزىگە مايىل قىلىپ، بىزنى ئۆزىنىڭ يولىدا ماڭىدىغان، ئۆزىنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا بۇيرۇغان ئەمرلىرى، قائىدە-نىزاملىرىگە رىئايە قىلىدىغان قىلغاي. مېنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا قىلغان بۇ دۇئا-ئىلتىجالىرىم كېچە-كۈندۈز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئېسىدە تۇرغاي، ئۇ ھەر كۈنى، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۆزىنىڭ خىزمەتكارىغا ۋە ئۆز خەلقى ئىسرائىللارغا ئادالەت كۆرسىتىپ، يەر يۈزىدىكى جىمى ئەللەرگە پەرۋەردىگار _ «ياھۋەھ»نىڭ بىردىنبىر ھەقىقىي خۇدا ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن باشقا خۇدا يوقلۇقىنى بىلدۈرگەي. سىلەر پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا جان-دىلىڭلار بىلەن سادىق بولۇشۇڭلار كېرەك. سىلەر ئۇنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئەمر-پەرمانلىرىغا خۇددى بۈگۈنكىدەك رىئايە قىلىڭلار! ئاندىن كېيىن پادىشاھ ۋە بارلىق ئىسرائىللار پەرۋەردىگار ئالدىدا قۇربانلىقلارنى تەقدىم قىلدى. سۇلايمان پادىشاھنىڭ پەرۋەردىگارغا تەقدىم قىلغان ئامانلىق قۇربانلىقى 22 مىڭ كالا، 120 مىڭ قوي بولدى. شۇنداق قىلىپ پادىشاھ ۋە پۈتكۈل ئىسرائىللار ئىبادەتخانىنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلىدى. شۇ كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ئالدىدىكى تۇچتىن ياسالغان قۇربانلىق سۇپىسى بەك كىچىك كېلىپ قالغاچقا، كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ يېغى پاتماي قالغانىدى، شۇڭا پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدىكى، ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يەرنى مۇقەددەس يەر قىلىپ بېكىتىپ، ئۇلارنى شۇ يەردە كۆيدۈردى. ئەنە شۇ چاغدا سۇلايمان پادىشاھ شىمالدا لىبو-خامات شەھىرىدىن تارتىپ جەنۇبتا تاكى مىسىر چېگراسىدىكى دەرياغىچە بولغان ئارىلىقتىن كەلگەن پۈتكۈل ئىسرائىللار بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئالدىدا زور جامائەت بولۇپ توپلىنىپ، ئىككى كەررە يەتتە _ ئون تۆت كۈن كەپە تىكىش ھېيتى قىلدى. ئەتىسى پادىشاھ جامائەتنى ئۆيلىرىگە قايتۇردى. جامائەت پادىشاھ ئۈچۈن دۇئا قىلىپ، شاد-خۇراملىق ئىچىدە ئۆيلىرىگە قايتىشتى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى داۋۇتقا ۋە ئۆز خەلقى ئىسرائىللارغا كۆرسەتكەن بارلىق مېھىر-شەپقىتىنى كۆرگەنلىكىدىن تولىمۇ سۆيۈندى ۋە خۇرسەن بولدى. سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى، پادىشاھلىق ئوردىسىنى ۋە ئۆزى قۇرۇشنى ئارمان قىلىپ كەلگەن ھەممە قۇرۇلۇشلارنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، پەرۋەردىگار سۇلايمانغا خۇددى گىبئوندا زاھىر بولغاندەك، يەنە زاھىر بولدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ سېنىڭ قىلغان دۇئا ۋە ئىلتىجايىڭنى ئاڭلىدىم. سەن سالغان بۇ ئىبادەتخانىنى ماڭا ئىبادەت قىلىدىغان جاي بولسۇن دەپ، مۇقەددەس قىلدىم. كۆزۈم ۋە قەلبىم ھەمىشە مۇشۇ يەردە بولىدۇ. ئەگەر سەن ئاتاڭ داۋۇتقا ئوخشاش ئالدىمدا ساداقەتمەنلىك ۋە ئادىللىق بىلەن ئىش كۆرسەڭ، ئەمرلىرىمنىڭ ھەممىسىگە ئىخلاس قىلىپ، قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلساڭ، ئاتاڭ داۋۇتقا: «ئىسرائىلىيە تەختىدە ئولتۇرۇشقا سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭدىن ئادەم كەم بولمايدۇ» دېگىنىمدەك، سېنىڭ ئىسرائىللارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان تەختىڭنى ئەبەدىلئەبەد مۇستەھكەم قىلىمەن. ئەمما سىلەر ياكى سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلار مەندىن يۈز ئۆرۈپ، مېنىڭ يولۇمنى تۇتمىسا، سىلەرگە بېكىتكەن قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمگە رىئايە قىلماي، باشقا ئىلاھلارنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولسا ۋە ئۇلارغا چوقۇنسا، مەن ئۇلارنى ئۇلارغا بەرگەن بۇ زېمىندىن قوغلاپ چىقىرىمەن، ھەتتا ئۆز نام-شەرىپىم ئۈچۈن مۇقەددەس قىلغان بۇ ئىبادەتخانىنىمۇ كۆزۈمدىن يوقىتىمەن. ئۇلار جىمى خەلقلەر ئالدىدا ئىزا-ئاھانەت ۋە كۈلكىگە قالىدۇ. بۇ ئىبادەتخانا خارابىگە ئايلىنىپ، بۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر ھەيران قالىدۇ ھەم مەسخىرە قىلىشىپ: «پەرۋەردىگار نېمىشقا بۇ زېمىننى ۋە ئىبادەتخانىنى بۇ ھالغا كەلتۈرۈپ قويغاندۇ؟» دەپ سورىشىدۇ. كىشىلەر: «چۈنكى ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگارى خۇدادىن ۋاز كېچىپ، باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ، ئۇلارغا چوقۇنغان ۋە ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقان، شۇڭا پەرۋەردىگار بۇ بالايىئاپەتلەرنى ئۇلارنىڭ بېشىغا ياغدۇرغان» دەپ جاۋاب بېرىشىدۇ. سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى بىلەن پادىشاھ ئوردىسىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى يۈرۈش ئىمارەتنى سالدۇرۇشقا 20 يىل ۋاقىت سەرپ قىلغان. سۇلايمان پادىشاھنىڭ خاھىشى بويىچە تىر پادىشاھى ھىرام ئۇنى كېدىر ياغىچى، قارىغاي ياغىچى ۋە ئالتۇنلار بىلەن تەمىنلىگەچكە، سۇلايمان پادىشاھ ئۇنىڭغا جەلىلىيەدىكى يىگىرمە شەھەرنى بەردى. بىراق ھىرام پادىشاھ تىردىن چىقىپ، سۇلايمان پادىشاھ بەرگەن شەھەرلەرنى كۆرۈپ، ئانچە ياراتمىدى. ئۇ: «بۇرادەر، ماڭا تەقدىم قىلغان شەھەرلىرىڭ شۇمۇ؟» دېدى ۋە بۇ شەھەرلەر جايلاشقان زېمىنغا «قابۇل» [مەنىسى «ھېچنېمىگە ئەرزىمەس»] دەپ نام بەردى. بۇ زېمىن تاكى ھازىرغىچە شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە. ھىرام پادىشاھ سۇلايمان پادىشاھقا تۆت توننا ئالتۇن تەقدىم قىلغانىدى. تۆۋەندىكىلەر سۇلايمان پادىشاھنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئوردىسىنى سالدۇرۇپ، يېرۇسالېمدىكى تىندۇرۇلغان يەرنى ۋە سېپىلنى ھەمدە خازور، مىگىددو، گەزەر شەھەرلىرىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ھاشارغا ئادەم ئالغانلىقىنىڭ خاتىرىسىدۇر: (بۇرۇن پىرئەۋن گەزەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئالغاندىن كېيىن، ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتكەن، شەھەردىكى كەنئانلىقلارنى ئۆلتۈرۈپ، شەھەرنى سۇلايمان پادىشاھقا ياتلىق قىلغان قىزىغا سوۋغات قىلىپ بەرگەنىدى. سۇلايمان پادىشاھ گەزەرنى قايتىدىن قۇرۇپ، ئاستىن بەيت-خورون، بائالات ۋە چۆلگە جايلاشقان تامارنى مۇستەھكەملىدى. شۇنىڭدەك ئۇ ئۆزىنىڭ ئامبارلىرى بار ھەممە شەھەرلىرىنى، جەڭ ھارۋىلىرى ساقلىنىدىغان، ھارۋىلىق لەشكەرلەر تۇرىدىغان شەھەرلەرنى قۇردى ھەمدە يېرۇسالېمدا، لىۋان تاغلىرىدا ۋە ئۆزى ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ھەرقايسى جايلاردا نېمىنى خالىسا، شۇنى سالدۇردى.) ئىسرائىللاردىن بولمىغان ئامورلار، خىتلار، پەرىززىلەر، خىۋلار بىلەن يىبۇسلاردىن قېلىپ قالغانلارنى ھاشارغا تۇتتى. ئىسرائىللار ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوقىتىۋېتەلمىگەنلىكتىن، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ھېلىمۇ شۇ زېمىندا ياشىماقتا. سۇلايمان پادىشاھ ئۇلارنى ھاشارچى قىلغان بولۇپ، ئۇلار تاكى ھازىرغىچە ھاشارچى بولۇپ ياشىماقتا. سۇلايمان پادىشاھ ئىسرائىللارنى ھاشارچى قىلماي، ئۆزىگە جەڭچى، خىزمەتكار، ئەمەلدار، لەشكەر باشلىقى، جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سەركەردىلىرى ۋە ھارۋىلىق لەشكەرلىرى قىلدى. سۇلايماننىڭ ئىشلەمچىلەرنى نازارەت قىلىدىغان ۋە ئىشنىڭ بېشىدا تۇرىدىغان 550 نەپەر ئەمەلدارلىرى بار ئىدى. پىرئەۋننىڭ قىزى داۋۇت شەھىرىدىن سۇلايمان پادىشاھ ئۆزىگە سېلىپ بەرگەن سارايغا كۆچۈپ كەلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن سۇلايمان پادىشاھ يېرۇسالېمدىكى تىندۇرۇلغان يەرنى چىڭدىدى. سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سالدۇرغان قۇربانلىق سۇپىسىدا ھەر يىلى ئۈچ قېتىم كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى تەقدىم قىلاتتى. ئۇ يەنە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئىسرىق سالاتتى. ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشى شۇ تەرىقىدە پۈتكەنىدى. سۇلايمان پادىشاھ يەنە ئىدومدىكى قىزىل دېڭىز بويىدا، يەنى ئېلاتقا يېقىن ئەزيون-گەبەردە بىر قاتار كېمە ياساتقۇزدى. شىبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايمان پادىشاھنىڭ داڭ چىقىرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا شان-شەرەپ ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنى قىيىن سوئاللار بىلەن سىناپ بېقىش ئۈچۈن زىيارەتكە كەلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ نۇرغۇن ھەمراھلىرىنى ئېلىپ، تۆگىلەرگە ئىنتايىن كۆپ خۇشبۇي ماددىلار، ئالتۇن ۋە ئېسىل تاشلارنى ئارتىپ، يېرۇسالېمغا كەلگەنىدى. ئۇ سۇلايمان پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن كۆڭلىگە پۈكۈپ قويغان قىيىن سوئاللارنىڭ ھەممىسىنى سورىدى. سۇلايمان پادىشاھ ئۇنىڭ سوئاللىرىنىڭ ھەممىسىگە جاۋاب بەردى، ئۇنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشتە بىرەر قېتىممۇ قىينالمىدى. شىبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايمان پادىشاھتىكى دانالىق ۋە ئۇ قۇرغان ئوردا-سارايلار، شىرەگە تىزىلغان نازۇنېمەتلەر، ئەمەلدارلارنىڭ ئۆز مەنسەپلىرى بويىچە ئولتۇرۇشلىرى، خىزمەتكارلارنىڭ كۈتۈشلىرى، ئۇلارنىڭ كىيىنىشلىرى، پادىشاھنىڭ ساقىيلىرى ۋە سۇلايمان پادىشاھنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا تەقدىم قىلغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنى كۆرۈپ، ناھايىتى ھەيران قېلىپ، پادىشاھقا مۇنداق دېدى: _ مەن ئۆز مەملىكىتىمدە ئۆزلىرى قىلغان ئىشلار ۋە دانالىقلىرى توغرۇلۇق ئاڭلىغانلىرىم راست ئىكەن. مەن ئىلگىرى بۇ گەپلەرگە ئانچە ئىشەنمەپتىكەنمەن، بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىنلا ئاڭلىغانلىرىمنىڭ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنلىرىمنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ دانالىق ۋە بايلىقلىرىنىڭ مېنىڭ ئاڭلىغانلىرىمدىن نەچچە ھەسسە زىيادە ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە خىزمەتكارلىرى ھەمىشە ئالدىلىرىدا تۇرۇپ ھېكمەتلىرىنى ئاڭلىيالايدىكەن، ئۇلار نەقەدەر بەختلىك-ھە! پەرۋەردىگارلىرى خۇداغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! ئۇ ئۆزلىرىدىن سۆيۈنۈپ، سىلىنى ئىسرائىلىيە تەختىگە ئولتۇرغۇزغانىكەن. پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا بولغان مۇھەببىتى مەڭگۈلۈك بولغاچقا، ئۆزلىرىنى ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدىغان پادىشاھ بولۇشقا تىكلىگەنىكەن. شىبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايمان پادىشاھقا تۆت مىڭ كىلو ئالتۇن، نۇرغۇنلىغان خۇشبۇي ماددىلار ۋە ئېسىل تاشلارنى تەقدىم قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىممۇ شىبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايمان پادىشاھقا ئەكەلگەندەك ئۇنچىۋالا كۆپ خۇشبۇي ماددىلارنى ئېلىپ كەلگەن ئەمەس. بۇنىڭدىن باشقا، ھىرام پادىشاھنىڭ ئوفىردىن ئالتۇن ئېلىپ كەلگەن كېمىلىرى يەنە ئۇ يەردىن نۇرغۇن ئېسىل ياغاچ ۋە تاشلارنى ئېلىپ كەلگەن. سۇلايمان پادىشاھ ئاشۇ ئېسىل ياغاچتىن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ۋە ئۆز ئوردىسىنىڭ رېشاتكىلىرىنى ھەم ناخشىچىلار ئۈچۈن لىرا ۋە چىلتارلارنى ياساتقۇزغان. شۇنىڭدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە ھېچكىم ئۇنچىلىك كۆپ ئېسىل ياغاچ كەلتۈرۈپ باققان ۋە كۆرۈپ باققان ئەمەس. سۇلايمان پادىشاھ شىبانىڭ ئايال پادىشاھىغا ياندۇرۇپ ناھايىتى جىق سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلىپلا قالماستىن، يەنە ئۇنىڭغا ئۇ خالىغان ۋە سورىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئايال پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۆز ئېلىگە قايتىپ كەتتى. سۇلايمان پادىشاھقا ھەر يىلى 23 توننا ئالتۇن كېلىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەنە سودىگەرلەر ۋە تىجارەتچىلەردىن، ئەرەب پادىشاھلىرى ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى ھۆكۈمدارلاردىنمۇ ئالتۇنلارنى تاپشۇرۇۋالاتتى. سۇلايمان پادىشاھ چوڭ قالقاندىن 200نى سوقتۇرغان بولۇپ، ھەربىرىگە يەتتە كىلودىن ئالتۇن ئىشلىتىلگەنىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە ھەربىرىگە ئاز كەم ئىككى كىلو ئالتۇن ئىشلىتىلگەن كىچىك قالقاندىن 300نى ياسىتىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى «لىۋان ئورمان سارىيى»غا جايلاشتۇردى. سۇلايمان پادىشاھ يەنە پىل چىشى ۋە تاۋلانغان ئالتۇندىن بېزەلگەن چوڭ بىر تەخت ياساتتى. تەختكە چىقىدىغان ئالتە پەلەمپەي بار ئىدى. يۆلەنچۈكىنىڭ ئۈستى تەرىپى كەينىگە ئەگمە قىلىپ ياسالغان بولۇپ، ئىككى تەرىپىدە بىردىن قول قويغۇچ بار ئىدى. قول قويغۇچنىڭ يېنىدا بىردىن ئۆرە تۇرغان شىرنىڭ ھەيكىلى بار ئىدى. ئالتە پەلەمپەينىڭ ھەربىرىنىڭ ئىككى تەرىپىدە بىردىن، جەمئىي 12 شىرنىڭ ھەيكىلى بار بولۇپ، باشقا ھېچقانداق پادىشاھلىقنىڭ تەختى بۇنداق ھەيۋەتلىك بېزەلگەن ئەمەستۇر. سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئىچىملىك ئىچىدىغان قاچا-قۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئالتۇندىن ئىدى. «لىۋان ئورمان سارىيى» ئىچىدىكى بۇيۇملارنىڭ ھەممىسى كۈمۈشتىن ئەمەس، بەلكى ساپ ئالتۇندىن ئىدى. سۇلايمان پادىشاھنىڭ دەۋرىدە كۈمۈش ئەرزىمەس نەرسە بولۇپ قالغانىدى. سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئۇزۇن يوللۇق كاتتا كېمىلىرى ھىرام پادىشاھنىڭ كېمىلىرى بىلەن بىللە دېڭىزدا يۈرۈپ، ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم ئالتۇن-كۈمۈش، پىل چىشى، ئىت باش مايمۇن ۋە باشقا مايمۇنلارنى ئەكېلىپ تۇراتتى. سۇلايمان پادىشاھنىڭ بايلىقى ۋە دانالىقى دۇنيادىكى باشقا بارلىق پادىشاھلارنىڭكىدىن ئېشىپ كەتكەنىدى. دۇنيادىكى خەلقلەرنىڭ ھەممىسى: «سۇلايمان پادىشاھنى كۆرسەك، خۇدا ئۇنىڭ كۆڭلىگە سالغان ھېكمەتلەرنى ئاڭلىساق» دەپ ئارزۇ قىلاتتى. ھەر يىلى كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ تارتۇقلىرىنى، يەنى ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلار، تون-سەرپايىلار، قورال-ياراغلار، خۇشبۇي ماددىلار، ئات ۋە قېچىر قاتارلىقلارنى ئېلىپ كېلەتتى. سۇلايمان پادىشاھ جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن ئاتلارنى يىغدۇردى. ئۇنىڭ 1400 جەڭ ھارۋىسى، 12 مىڭ ئېتى بار ئىدى. ئۇ ئۇلارنى جەڭ ھارۋىلىرى تۇرىدىغان شەھەرلەرگە ۋە ئۆزى تۇرىدىغان يېرۇسالېمغا جايلاشتۇردى. سۇلايمان پادىشاھ يېرۇسالېمدا كۈمۈشنى خۇددى تاشتەك، كېدىر ياغىچىنى خۇددى غەربىي ئېدىرلىقتىكى ياۋا ئەنجۈر دەرەخلىرىدەك كۆپەيتىۋەتتى. سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئاتلىرى مىسىردىن ۋە كىلىكىيەدىن كەلتۈرۈلەتتى. پادىشاھنىڭ سودىگەرلىرى ئاتلارنى كىلىكىيەدىن مۇقىم باھادا سېتىۋالاتتى. مىسىردىن كەلتۈرۈلگەن ھارۋىلارنىڭ ھەربىرىنىڭ باھاسى يەتتە كىلو كۈمۈش، ئاتنىڭ ھەربىرىنىڭ باھاسى ئاز كەم ئىككى كىلو كۈمۈش ئىدى. سۇلايمان پادىشاھنىڭ سودىگەرلىرى ئۇ نەرسىلەرنى خىتلار ۋە ئارراملارنىڭ بارلىق پادىشاھلىرىغا سېتىشاتتى. سۇلايمان پادىشاھ پىرئەۋننىڭ قىزىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن يات ئەلنىڭ ئاياللىرىغا، يەنى موئابلىق، ئاممونلۇق، ئىدوملۇق، سىدونلۇق ۋە خىتلىق ئاياللارغا ئاشىق بولدى. پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنى بۇ يات ئەلنىڭ ئادەملىرى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇپ: «سىلەر ئۇ ئەللەرنىڭ ئادەملىرى بىلەن ئارىلىشىپ، نىكاھلانساڭلار بولمايدۇ، بولمىسا ئۇلار جەزمەن قەلبىڭلارنى مايىل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھلىرىغا ئىشەندۈرۈپ كېتىدۇ» دېگەن بولسىمۇ، لېكىن سۇلايمان دەل ئەنە شۇ يات ئەللەرنىڭ ئاياللىرىغا ئاشىق بولدى. سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئېسىل ئائىلىلەردىن بولغان 700 خوتۇنى، 300 توقىلى بار ئىدى. ئۇلار سۇلايماننى ئازدۇردى. سۇلايماننىڭ قېرىشىغا ئەگىشىپ، خوتۇنلىرى ئۇنى ئازدۇرۇپ، باشقا ئىلاھلارغا ئىشەندۈرۈپ كەتتى. ئۇ ئاتىسى داۋۇت پەرۋەردىگار خۇداغا جان-دىلى بىلەن سادىق بولغاندەك سادىق بولمىدى. سۇلايمان سىدونلۇقلارنىڭ ئايال ئىلاھى ئاشتورەت بىلەن ئاممونلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھى مولەككە چوقۇنۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى، پەرۋەردىگارغا ئاتىسى داۋۇت ئەگەشكەندەك تولۇق ئەگەشمىدى. سۇلايمان موئابلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھى كىموش بىلەن ئاممونلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھى مولەككە ئاتاپ، يېرۇسالېمنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى تاغدا بىر سەجدىگاھ سالدۇردى. ئۇ يات ئەللەردىن ئالغان ھەممە خوتۇنلىرىنىڭ ئۆز ئىلاھلىرىغا ئىسرىق سېلىپ، قۇربانلىق قىلىشلىرى ئۈچۈن ئۇلارغىمۇ بۇتخانىلارنى سالدۇرۇپ بەردى. سۇلايمان ئۆزىگە ئىككى قېتىم زاھىر بولغان، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدادىن يۈز ئۆرۈگەچكە، پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا غەزىپى كەلدى. بۇ ئىش توغرۇلۇق پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «باشقا ئىلاھلارغا ئەگەشمە» دەپ بۇيرۇغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقىغا ئېرەن قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار سۇلايمانغا مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىللار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمگە ۋە ساڭا بۇيرۇغان ئەمر-پەرمانلىرىمغا رىئايە قىلماي بۇ ئىشلارنى قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، جەزمەن پادىشاھلىقىڭنى تارتىۋېلىپ، ئۇنى بىر خىزمەتكارىڭغا ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن. لېكىن ئاتاڭ داۋۇتنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، بۇ ئىشنى سەن ھايات چاغدا قىلمايمەن. پادىشاھلىقىڭنى سېنىڭ ئوغلۇڭنىڭ قولىدىن تارتىۋالىمەن. مەن تاللىغان يېرۇسالېم ۋە خىزمەتكارىم داۋۇتنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، پادىشاھلىقنى پۈتۈنلەي تارتىۋالماستىن، ئوغلۇڭغا بىر قەبىلىنى قالدۇرىمەن. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار سۇلايمان پادىشاھقا قارشى چىقىدىغان بىرەيلەننى ئوتتۇرىغا چىقاردى، ئۇ ئىدوم پادىشاھىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان ھاداد ئىدى. ئىلگىرى داۋۇت پادىشاھ ئىدومنى مەغلۇپ قىلغانىدى. شۇ چاغدا قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى يوئاب جەڭدە قۇربان بولغان ئىسرائىللارنى دەپنە قىلغىلى بېرىپ، ئىدومدىكى بارلىق ئەركەكلەرنى قىرىپ تاشلىغانىدى. يوئاب ۋە ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرى ئۇ يەردە تاكى ئىدومدىكى بارلىق ئەركەكلەرنى قىرىپ تۈگەتكۈچە ئالتە ئاي تۇرغانىدى. بىراق ھاداد ئاتىسىنىڭ بىرقانچە ئىدوملۇق خىزمەتكارى بىلەن مىسىرغا قېچىپ بېرىۋالغان بولۇپ، ئۇ چاغدا ئۇ تېخى كىچىك بالا ئىدى. ئۇلار مىسىرغا يېتىپ بېرىش ئۈچۈن مىديان رايونىدىن ئۆتۈپ، پاران چۆلىگە كەلگەندە، ئۇ يەردىن يەنە بىرقانچە ئادەم ئېلىۋېلىشتى. مىسىرغا يېتىپ كەلگەندە پىرئەۋن بىلەن كۆرۈشتى. پىرئەۋن قول ئاستىدىكىلەرگە ئۇنىڭغا ئۆي، ئوزۇقلۇق بېرىشنى بۇيرۇغان ۋە بىر پارچە يەرنى ئىنئام قىلىپ بەرگەن. ھاداد پىرئەۋننىڭ ئالدىدا ناھايىتى كۆپ ئىلتىپاتقا ئېرىشكەن، ھەتتا پىرئەۋن ئۆز قېيىنسىڭلىسى، يەنى خانىش تاخپىنېسنىڭ بىر سىڭلىسىنى ئۇنىڭغا بەرگەن. ئۇ تاخپىنېسنىڭ سىڭلىسىدىن بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭغا گىنۇبات دەپ ئات قويغان. تاخپىنېس بالىنى پىرئەۋننىڭ ئوردىسىدا چوڭ قىلغان. گىنۇبات پىرئەۋننىڭ ئوغۇللىرى بىلەن بىرلىكتە ئوردىدا تۇراتتى. ھاداد مىسىردا تۇرۇپ، داۋۇت پادىشاھنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى، ئىسرائىلىيە قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى يوئابنىڭمۇ ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، پىرئەۋندىن: _ ئۆز ئېلىمگە قايتىشىمغا ئىجازەت بېرىشلىرىنى سورايمەن، _ دەپ ئۆتۈندى. پىرئەۋن ئۇنىڭغا: _ «ئۆز ئېلىمگە قايتىشىمغا ئىجازەت بەرسىلە» دەيسەن، بۇ يەردە ساڭا بىرەر نەرسە كەم بولۇپ قالدىمۇ؟ _ دېدى. ئۇ: _ كەم بولۇپ قالغان بىرەر نەرسە يوق، قانداقلا بولمىسۇن ئۆز ئېلىمگە قايتىشىمغا ئىجازەت بەرگەيلا، _ دەپ تۇرۇۋالدى. خۇدا ئەليادانىڭ ئوغلى رىزوننىمۇ سۇلايمان پادىشاھقا دۈشمەن قىلىپ قويدى. ئۇ غوجايىنى زوباھنىڭ پادىشاھى ھادادئەزەرنىڭ يۇرتىدىن قېچىپ چىققانىدى. داۋۇت پادىشاھ زوباھلىقلارنى مەغلۇپ قىلغاندا، رىزون بىر تۈركۈم كىشىلەرنى توپلاپ، ئۆزى بۇ قاراقچىلارنىڭ ئاتامانى بولۇپ، دەمەشققە بېرىپ، ھۆكۈمرانلىقىنى تۇرغۇزغانىدى. ئۇ پۈتكۈل ئارراملار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈپ، ھادادقا ئوخشاش يامانلىق قىلىپ، ئىسرائىللارغا ئۆچمەنلىك قىلاتتى. رىزون سۇلايمان پادىشاھ ھايات چېغىدا ئىزچىل تۈردە ئىسرائىلىيەگە قارشى چىقىپ كەلگەنىدى. سۇلايمان پادىشاھنىڭ خىزمەتكارى _ نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئاممۇ پادىشاھقا قارشى كۆتۈرۈلۈپ چىقتى. ئۇ ئەفرايىم قەبىلىسىدىن بولۇپ، زىرېدا شەھىرىدىن ئىدى. ئانىسىنىڭ ئىسمى زىرۇئا بولۇپ، بىر تۇل خوتۇن ئىدى. ئۇ سۇلايمان پادىشاھقا قارشى چىقىشتىن بۇرۇن مۇنداق ئىشلار بولغان: سۇلايمان پادىشاھ تىندۇرۇلغان يەرنى چىڭداپ، ئاتىسى داۋۇتنىڭ نامىغا ئاتالغان «داۋۇت شەھىرى» سېپىلىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشاۋاتاتتى. ياروبئام دېگەن بۇ يىگىت ئىنتايىن ئىقتىدارلىق ئادەم ئىدى. سۇلايمان پادىشاھ ئۇنىڭ ناھايىتى تىرىشچان ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى، يەنى ئەفرايىم ۋە ماناسسە قەبىلىسىگە تەۋە بولغان بارلىق ھاشارچىلارنى باشقۇرۇشقا قويدى. بىر كۈنى ياروبئام يېرۇسالېمدىن چىققاندا، شىلولۇق ئاخىيا پەيغەمبەر يولدا ئۇنىڭغا يولۇقتى. ئاخىيا يېڭى تون كىيگەن بولۇپ، دالىدا شۇ ئىككىيلەنلا بار ئىدى. ئاخىيا ئۈستىدىكى يېڭى تونىنى سېلىپ، يىرتىپ، ئون ئىككى پارچە قىلىپ، ياروبئامغا مۇنداق دېدى: _ سەن بۇ ئون پارچىنى ئال! ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «بىلىپ قويغىنكى، پادىشاھلىقنى پارچىلاپ، سۇلايماننىڭ قولىدىن تارتىۋېلىپ، ئون قەبىلىنى ساڭا بېرىمەن. لېكىن خىزمەتكارىم داۋۇتنىڭ ۋە ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە تەۋە شەھەرلەردىن تاللىغان يېرۇسالېمنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، سۇلايماندا يەنىلا بىر قەبىلە قالىدۇ. سۇلايمان مەندىن ۋاز كېچىپ، سىدونلۇقلارنىڭ ئايال ئىلاھى ئاشتورەت، موئابلارنىڭ ئىلاھى كىموش ۋە ئاممونلارنىڭ ئىلاھى مولەككە چوقۇنۇپ، مېنىڭ يولۇمنى تۇتمىغانلىقى، نەزىرىمدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلماي، مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىم ۋە قائىدە-تۈزۈملىرىمگە ئاتىسى داۋۇت رىئايە قىلغاندەك رىئايە قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، پادىشاھلىقنى سۇلايماننىڭ قولىدىن تارتىۋالىمەن. شۇنداقتىمۇ پۈتكۈل پادىشاھلىقنى ئۇنىڭ قولىدىن تارتىۋالماستىن، بەلكى ئۇنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە پادىشاھلىقىدا تۇرغۇزىمەن. چۈنكى مەن تاللىغان خىزمەتكارىم داۋۇت مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىمغا رىئايە قىلغان. مەن پادىشاھلىقنى ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىپ، ئون قەبىلىنى ساڭا تەقدىم قىلىمەن. شۇنداقتىمۇ مەن سۇلايماننىڭ ئوغلىغا بىر قەبىلىنى بېرىپ، ماڭا ئىبادەت قىلىشقا تاللىغان شەھەر يېرۇسالېمدا خىزمەتكارىم داۋۇتنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرۈپ قويمايمەن. مەن سېنى ئۆزۈڭ ئارزۇ قىلغاندەك، ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمران قىلىپ، پادىشاھ بولۇشقا تاللىدىم. ئەگەر ئەمرلىرىمنىڭ ھەممىسىگە بويسۇنۇپ، يولۇمنى تۇتۇپ، مېنىڭ نەزىرىمدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلىپ، مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىمغا خىزمەتكارىم داۋۇتتەك رىئايە قىلساڭ، مەن ساڭا يار بولۇپ، داۋۇتقا قۇرۇپ بەرگىنىمگە ئوخشاش ساڭىمۇ مۇستەھكەم بىر خانىدانلىق قۇرۇپ بېرىمەن ھەمدە ئىسرائىلىيەنى ساڭا تەقدىم قىلىمەن. سۇلايماننىڭ بۇتپەرەسلىكى تۈپەيلىدىن داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئاجىز قىلىمەن، بىراق بۇ مەڭگۈلۈك بولمايدۇ.» شۇنىڭدىن كېيىن سۇلايمان پادىشاھ ياروبئامنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى. لېكىن ياروبئام پىرئەۋن شىشاقنىڭ يېنىغا قېچىپ بېرىپ، تاكى سۇلايمان پادىشاھ ۋاپات بولغانغا قەدەر مىسىردا تۇردى. سۇلايمان پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ئىزلىرى، بارلىق پائالىيەتلىرى ۋە دانالىقى «سۇلايمان پادىشاھ تەزكىرىسى»گە پۈتۈلگەن. سۇلايمان پادىشاھ يېرۇسالېمدا پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە 40 يىل پادىشاھ بولدى. سۇلايمان ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىغا كېتىپ، ئاتىسى داۋۇتنىڭ نامىدا ئاتالغان «داۋۇت شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى. ئوغلى رىخوبئام ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى. شىمالدىكى بارلىق ئىسرائىل خەلقى رىخوبئامنى پادىشاھ قىلىش ئۈچۈن شەكەم شەھىرىگە يىغىلدى. رىخوبئاممۇ ئۇ يەرگە كەلدى. نىباتنىڭ مىسىردا تۇرۇۋاتقان ئوغلى ياروبئام بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تېپىپ، مىسىردىن ئىسرائىلىيەگە قايتىپ كەلدى. (ئۇ سۇلايمان پادىشاھنىڭ ۋاقتىدا سۇلايماندىن قېچىپ، مىسىرغا كەتكەنىدى.) شىمالدىكى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئاقساقاللىرى ياروبئامنى چاقىرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە رىخوبئامنىڭ قېشىغا كەتتى. ئۇلار ئۇنىڭغا: _ ئاتىلىرى سۇلايمان پادىشاھ بىزگە ئېغىر بويۇنتۇرۇق سالغانىدى. ئەمدى بىز سىلىدىن ئاتىلىرى بىزگە سالغان ئېغىر ئالۋان-ياساق ۋە بويۇنتۇرۇقلارنى يېنىكلىتىشلىرىنى ئۆتۈنىمىز. شۇنداق قىلسىلا، سىلىنىڭ خىزمەتلىرىدە بولىمىز، _ دېيىشتى. _ سىلەر ھازىرچە قايتىپ كېتىپ، ئۈچ كۈندىن كېيىن مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كېلىڭلار، _ دېدى رىخوبئام. شۇنىڭ بىلەن خەلق قايتىپ كېتىشتى. رىخوبئام پادىشاھ ئاتىسى سۇلايمان ھايات چېغىدا ئۇنىڭ ئالدىدا خىزمىتىنى قىلغان مويسىپىتلاردىن مەسلىھەت سوراپ: _ بۇ خەلققە قانداق جاۋاب بېرەي، _ دېدى. _ ئەگەر سىلى بۈگۈن بۇ خەلقنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، ئۇلارغا ياخشى گەپلەرنى قىلسىلا، ئۇلار مەڭگۈ سىلىنىڭ خىزمەتلىرىدە بولىدۇ، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى مويسىپىتلار. لېكىن رىخوبئام مويسىپىتلارنىڭ مەسلىھەتىنى قوبۇل كۆرمەي، ئۆزى بىلەن بىللە چوڭ بولغان، ئۆز ھۇزۇرىدا خىزمىتىنى قىلىپ كېلىۋاتقان ياشلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇلاردىن: _ خەلق ماڭا: «ئاتىلىرى بىزگە سالغان ئېغىر بويۇنتۇرۇقنى يېنىكلىتىشلىرىنى ئۆتۈنىمىز» دېيىشىۋاتىدۇ. بۇ خەلققە قانداق جاۋاب بەرسەك بولار؟ سىلەرنىڭ مەسلىھەتىڭلار قانداق؟ _ دەپ سورىدى. ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە چوڭ بولغان ياشلار ئۇنىڭغا: _ بۇ خەلق ئۆزلىرىگە: «ئاتىلىرى بىزنىڭ بويۇنتۇرۇقىمىزنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەنىدى، لېكىن سىلىنىڭ ئۇنى يېنىكلىتىپ بېرىشلىرىنى ئۆتۈنىمىز» دەپتۇ. ئەمدى سىلى ئۇلارغا: «مېنىڭ چىمچىلىقىم ئاتامنىڭ بېلىدىنمۇ توم! ئاتام سىلەرگە ئېغىر بويۇنتۇرۇق سالغان بولسا، مەن ئۇنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىمەن. ئاتام سىلەرنى قامچا بىلەن ساۋىغان بولسا، مەن سىلەرنى چايانلارغا چاقتۇرىمەن» دېسىلە، _ دەپ جاۋاب بەردى. رىخوبئام پادىشاھنىڭ «ئۈچ كۈندىن كېيىن كېلىپ، مەن بىلەن كۆرۈشۈڭلار» دېگىنى بويىچە، ياروبئام خەلق بىلەن بىللە ئۈچىنچى كۈنى رىخوبئام پادىشاھ بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى. رىخوبئام پادىشاھ كۆپچىلىككە كەسكىن جاۋاب بەردى. ئۇ مويسىپىتلارنىڭ بەرگەن مەسلىھەتىگە پىسەنت قىلماي، بەلكى ياشلارنىڭ بەرگەن مەسلىھەتى بويىچە ئۇلارغا: _ ئاتام سىلەرنىڭ بويۇنتۇرۇقۇڭلارنى ئېغىرلاتقان بولسا، مەن ئۇنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىمەن. ئاتام سىلەرنى قامچا بىلەن ساۋىغان بولسا، مەن سىلەرنى چايانلارغا چاقتۇرىمەن! _ دېدى. شۇنداق قىلىپ رىخوبئام پادىشاھ ئاممىنىڭ ئۆتۈنۈشىگە قۇلاق سالمىدى. بۇ ئىش بىلەن پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ شىلولۇق ئاخىيا ئارقىلىق نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامغا ئېيتقان گېپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يول ھازىرلىدى. شىمالىي قەبىلىلەردىن كەلگەن ئىسرائىللار رىخوبئام پادىشاھنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۆتۈنۈشىنى ئاڭلىمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا: «يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ بىزگە ئۆتكۈزۈپ قويغىنى يوق، ھەم بىزنىڭ ئۇنىڭدا قەرزىمىز يوق. ھەي ئىسرائىللار، ھەممىمىز ئۆز ئۆيلىرىمىزگە قايتايلى! ئەي داۋۇتنىڭ ئەۋلادى، ئۆز خانىدانلىقىڭلارغا ئۆزۈڭلار ئىگە بولۇڭلار!» دېيىشىپ، ھەممىسى ئۆيلىرىگە قايتىشتى. (ئەمما رىخوبئام يەھۇدا شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان شىمالدىن كەلگەن ئىسرائىللارغا يەنىلا پادىشاھ بولۇپ قېلىۋەردى.) رىخوبئام پادىشاھ ھاشارچىلارنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئادورامنى شىمالىي قەبىلىلەردىن بولغان ئىسرائىللارنىڭ قېشىغا ئەۋەتكەنىدى، ئۇلار ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. رىخوبئام پادىشاھ ئالدىراپ-تېنەپ ھارۋىسىغا چىقىپ، يېرۇسالېمغا قېچىپ كەتتى. شۇنىڭدىن تارتىپ شىمالدىكى ئىسرائىللار تاكى ھازىرغىچە داۋۇت خانىدانلىقى بىلەن قارشىلىشىپ كەلدى. شىمالدىكى ئىسرائىللار ياروبئامنىڭ مىسىردىن قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپلا، دەرھال ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى كېڭەشكە چاقىرتىپ كەلدى ۋە ئۇنى پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە، يەنى ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلەشتى. يەھۇدا قەبىلىسىدىن باشقا، ھېچكىم داۋۇت خانىدانلىقىغا ئەگەشمىدى. سۇلايماننىڭ ئوغلى رىخوبئام يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، شىمالدىكى ئىسرائىللار بىلەن ئۇرۇش ئارقىلىق ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇ پۈتۈن يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىدىن 180 مىڭ سەرخىل لەشكەرنى توپلىدى. بىراق خۇدا ئۆز پەيغەمبىرى شىماياغا مۇنداق دېدى: _ سەن بېرىپ، سۇلايماننىڭ ئوغلى يەھۇدىيە پادىشاھى رىخوبئامغا، پۈتۈن يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىگە، ھەم باشقىلارغا: «پەرۋەردىگار: ‹سىلەر قېرىندىشىڭلار بولغان ئىسرائىللار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا چىقساڭلار بولمايدۇ. ھەممىڭلار ئۆيۈڭلەرگە قايتىڭلار! چۈنكى بۇ ئىش مەندىن بولدى› دەيدۇ» دېگىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئېيتقىنى بويىچە ئۆيلىرىگە قايتىپ كېتىشتى. ياروبئام پادىشاھ ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى شەكەم شەھىرىنى قايتىدىن قۇرۇپ، شۇ يەردە تۇرىدىغان بولدى. كېيىن ئۇ پىنۇئېل شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ شەھەرنىمۇ مۇستەھكەملەتتى. شۇنىڭ بىلەن ياروبئام پادىشاھ بۇ ھەقتە مەسلىھەتچىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئالتۇندىن ئىككى موزاينىڭ ھەيكىلىنى ياسىتىپ، خەلققە: _ ئەي ئىسرائىللار، سىلەرنىڭ يېرۇسالېمغا بېرىشىڭلار ھەقىقەتەن مۇشەققەتلىكتۇر. قاراڭلار، سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ئىلاھىڭلار مانا شۇلار! _ دېدى. ئۇ موزاي ھەيكىلىنىڭ بىرىنى بەيتەلگە، بىرىنى دانغا قويغۇزدى. بۇ ئىش ئىسرائىللارنى گۇناھقا باشلىدى، ئۇلار ھەتتاكى يىراقتىكى دانغا بېرىپ، موزايغا چوقۇنىدىغان بولدى. ياروبئام پادىشاھ بۇتخانىلارنى سېلىپ، لاۋىينىڭ ئەۋلادىدىن بولمىغان خەلقتىن كىم كەلسە شۇنى روھانىيلىققا قويىۋەردى. ياروبئام پادىشاھ يەنە 8-ئاينىڭ 15-كۈنىنى يەھۇدىيەنىڭ ھېيتىغا ئوخشاش ھېيت قىلىپ بەلگىلەپ، شۇ كۈنى بەيتەلدىكى قۇربانلىق سۇپىسىغا بېرىپ، ئۆزى ياساتقان ئالتۇن موزايلارغا قۇربانلىقلارنى تەقدىم قىلدى. بەيتەلدە ئۆزى سالدۇرغان بۇتخانىلارغا روھانىيلارنى تۇرغۇزدى. 8-ئاينىڭ 15-كۈنى، يەنى ئۆز مەيلىچە ئىسرائىللارنىڭ ھېيتى قىلىپ بەلگىلىگەن كۈنى بەيتەلدە ئۆزى سالدۇرغان قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىسرىق سېلىشقا تەييارلىق قىلدى. ياروبئام پادىشاھ قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئىسرىق سېلىۋاتقاندا، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن ئەۋەتىلگەن بىر پەيغەمبەر يەھۇدىيەدىن بەيتەلگە يېتىپ كەلدى. پەيغەمبەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە قۇربانلىق سۇپىسىغا قاراپ تۇرۇپ، ۋارقىراپ مۇنداق دېدى: _ ئەي قۇربانلىق سۇپىسى! قۇربانلىق سۇپىسى! پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بىلىپ قويغىنكى، داۋۇتنىڭ پۇشتىدىن يوشىيا ئاتلىق بىر ئوغۇل تۇغۇلىدۇ. ئۇ ھازىر سېنىڭ ئۈستۈڭدە ئىسرىق سېلىۋاتقان سەجدىگاھ روھانىيلىرىنى قۇربانلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنى سېنىڭ ئۈستۈڭدە كۆيدۈرىدۇ.» (شۇ كۈنى ئۇ پەيغەمبەر بىر بېشارەت بېرىپ، مۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگار شۇنداق بېشارەت بېرىدۇكى، بۇ قۇربانلىق سۇپىسى يېرىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى مايلاشقان كۈللەرمۇ يەرگە چېچىلىپ كېتىدۇ.») ياروبئام پادىشاھ پەيغەمبەرنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىغا قاراپ تۇرۇپ، ۋارقىراپ قىلغان گېپىنى ئاڭلاپلا، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، قولىنى شىلتىپ، «تۇتۇڭلار ئۇنى!» دەپ ۋارقىرىدى، ئۇنىڭغا قارىتىپ شىلتىغان قولى پالەچ بولۇپ قېلىپ يىغىۋالالماي قالدى. (دەرۋەقە كېيىن خۇددى پەيغەمبەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە بېشارەت بەرگىنىدەك قۇربانلىق سۇپىسى يېرىلىپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى مايلاشقان كۈللەرمۇ چېچىلىپ كەتتى.) پادىشاھ پەيغەمبەرگە: _ مەن ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭ خۇداغا دۇئا قىلىپ، قولۇمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قويۇشىنى تىلىسەڭ، _ دەپ يالۋۇردى. پەيغەمبەر پەرۋەردىگارغا يالۋۇرغانىدى، پادىشاھنىڭ قولى ئاۋۋالقىدەكلا ئەسلىگە كەلدى. پادىشاھ پەيغەمبەرگە: _ مەن بىلەن بارگاھىمغا بېرىپ، ئازراق ماغدۇرۇڭغا كېلىۋال، مەن ساڭا ئىنئام بېرىمەن، _ دېدى. _ ماڭا بايلىقلىرىنىڭ يېرىمىنى بەرسىلىمۇ سىلى بىلەن بارگاھلىرىغا بارمايمەن، ئۇ يەردە غىزا يېمەيمەن ۋە ئۇسسۇلۇق ئىچمەيمەن. چۈنكى پەرۋەردىگار ماڭا: «سەن غىزا يېسەڭ ۋە ئۇسسۇلۇق ئىچسەڭ بولمايدۇ، ئەسلى كەلگەن يولۇڭ بىلەن قايتساڭمۇ بولمايدۇ» دەپ بۇيرۇغان، _ دېدى پەيغەمبەر پادىشاھقا. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر بەيتەلگە كەلگەن يول بىلەن ئەمەس، باشقا يول بىلەن قايتتى. بەيتەلدە تۇرىدىغان بىر ياشانغان پەيغەمبەر بار ئىدى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى كېلىپ، ئاتىسىغا يەھۇدىيەدىن كەلگەن پەيغەمبەرنىڭ ئاشۇ كۈنى بەيتەلدە قىلغان ھەممە ئىشىنى سۆزلەپ بەردى. پادىشاھقا ئېيتقان گەپلىرىنىمۇ دەپ بەردى. ئاتىسى ئۇلاردىن: «ئۇ پەيغەمبەر قايسى يول بىلەن قايتتى؟» دەپ سورىۋىدى، ئوغۇللىرى يەھۇدىيەدىن كەلگەن پەيغەمبەرنىڭ ماڭغان يولىنى كۆرسىتىپ بەردى. _ ئېشەكنى توقۇڭلار! _ دېدى ئۇ ئوغۇللىرىغا. ئوغۇللىرى ئېشەكنى توقۇپ تەييارلىدى. ئۇ ئېشەكنى مىنىپ، ھېلىقى پەيغەمبەرنى قوغلاپ ماڭدى. ئۇ يەھۇدىيەدىن كەلگەن پەيغەمبەرنىڭ بىر پىستە دەرىخىنىڭ ئاستىدا ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى-دە، ئۇنىڭدىن: _ ئۆزلىرى يەھۇدىيەدىن كەلگەن پەيغەمبەر بولامدىلا؟ _ دەپ سورىدى. ئۇ: _ شۇنداق! _ دەپ جاۋاب بەردى. _ ئەمىسە مەن بىلەن يۈرسىلە، ئۆيگە بېرىپ، غىزا يېسىلە، _ دېدى ياشانغان پەيغەمبەر. _ مەن ئارقامغا قايتىپ، ئۆزلىرى بىلەن بىللە ئۆيلىرىگە بارالمايمەن، مۇشۇ يەردىمۇ سىلى بىلەن بىللە غىزالىنالمايمەن، ھەم ئۇسسۇلۇق ئىچەلمەيمەن، چۈنكى ماڭا پەرۋەردىگار: «سېنىڭ ئۇ يەردە غىزا يېيىشىڭگە ۋە ئۇسسۇلۇق ئىچىشىڭگە، ئەسلى يولۇڭ بىلەن قايتىشىڭغا بولمايدۇ» دەپ بۇيرۇغانىدى، _ دېدى يەھۇدىيەدىن كەلگەن پەيغەمبەر. _ مەنمۇ ئۆزلىرىگە ئوخشاش بىر پەيغەمبەرمەن. بىر پەرىشتە پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بىنائەن ماڭا: «سەن يەھۇدىيەدىن كەلگەن ھېلىقى پەيغەمبەرنى ئۆيۈڭگە ئېلىپ قايت، بىر نەرسە يېسۇن، سۇ ئىچسۇن» دېگەنىدى، _ دېدى ياشانغان پەيغەمبەر. لېكىن ئۇ يالغان سۆزلىگەنىدى. شۇنداق قىلىپ يەھۇدىيەدىن كەلگەن پەيغەمبەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، غىزا يېدى ۋە ئۇسسۇلۇق ئىچتى. ئۇ ئىككىسى داستىخاندا غىزالىنىۋاتقاندا، يەھۇدىيەدىن كەلگەن پەيغەمبەرنى باشلاپ كەلگەن ياشانغان پەيغەمبەرگە پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلدى. ياشانغان پەيغەمبەر ھېلىقى پەيغەمبەرگە: _ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سەن، مەن پەرۋەردىگارىڭ خۇداغا بويسۇنماي، ئەمرىمگە خىلاپلىق قىلدىڭ. مەن ساڭا: ‹غىزا يېيىشكە، ئۇسسۇلۇق ئىچىشكە بولمايدۇ› دېگەن بولساممۇ، سەن بۇ جايغا قايتىپ كېلىپ، غىزا يەپ، ئۇسسۇلۇق ئىچتىڭ. شۇنىڭ ئۈچۈن سېنىڭ جەسىتىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ قەبرىسىگە دەپنە قىلىنمايدۇ»، _ دەپ توۋلىدى. غىزا يەپ، ئۇسسۇلۇق ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەرنى ئۆيىگە ئېلىپ كەلگەن ياشانغان پەيغەمبەر ئۆز ئېشىكىنى توقۇپ تەييار قىلىپ بەردى. يەھۇدىيەدىن كەلگەن پەيغەمبەر يولىغا راۋان بولدى. يولدا ئۇنىڭغا بىر شىر ئۇچرىدى. شىر ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، جەسىتىنى يولغا تاشلاپ قويدى. ئېشەكمۇ، شىرمۇ ئۇنىڭ جەسىتىنىڭ يېنىدا ئىدى. يولدىن ئۆتكەنلەر بۇ جەسەتنىڭ يولغا تاشلاپ قويۇلغانلىقىنى، شىرنىڭ جەسەتنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ياشانغان پەيغەمبەر تۇرىدىغان شەھەرگە كېلىپ، بۇ ۋەقەنى شەھەردە سۆزلەپ يۈردى. پەيغەمبەرنى يولدىن قايتۇرۇپ، ئۆيىگە ئېلىپ كەلگەن ياشانغان پەيغەمبەر ۋەقەنى ئاڭلاپ، «بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغان ھېلىقى پەيغەمبەر ئىكەن. خۇددى پەرۋەردىگار ئۆزى ئۇنىڭغا ئېيتقىنىدەك، ئۇنى شىرغا تاشلاپ بېرىپتۇ، شىر ئۇنى تالاپ ئۆلتۈرۈپتۇ» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئوغۇللىرىغا «ماڭا ئېشەكنى توقۇپ بېرىڭلار» دەپ بۇيرۇدى. ئوغۇللىرى ئېشەكنى توقۇپ بەردى. ئۇ يولغا چىقىپ، پەيغەمبەرنىڭ جەسىتىنىڭ يولدا ياتقانلىقى، ئېشەكنىڭمۇ، شىرنىڭمۇ جەسەتنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقى، شىرنىڭ جەسەتنى يەۋەتمىگەنلىكى ۋە ئېشەكنىمۇ تالاپ ئۆلتۈرمىگەنلىكىنى كۆردى. ياشانغان پەيغەمبەر ھازا ئېچىپ، دەپنە قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەرنىڭ جەسىتىنى ئېشەككە ئارتىپ، ئۆزىنىڭ شەھىرىگە ئەكەلدى. ئۇ ئۇنىڭ جەسىتىنى ئۆزىنىڭ قەبرىسىگە دەپنە قىلدى. ئۇ ئوغۇللىرى بىلەن «ۋاي قېرىندىشىم!» دەپ، ھازا ئاچتى. دەپنە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ياشانغان پەيغەمبەر ئوغۇللىرىغا: «مەن ئۆلگەندىن كېيىن سىلەر مېنى يەھۇدىيەدىن كەلگەن پەيغەمبەر دەپنە قىلىنغان بۇ قەبرىگە دەپنە قىلىپ، جەسىتىمنى ئۇنىڭ يېنىغا قويۇڭلار. ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە بەيتەلدىكى قۇربانلىق سۇپىسى بىلەن سامارىيەگە قاراشلىق شەھەرلەردىكى بۇتخانىلار توغرىسىدا قىلغان گەپلىرى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ» دېدى. شۇ ۋەقەلەردىن كېيىنمۇ ياروبئام پادىشاھ يامان يولىدىن قايتماي، ئاۋام خەلقنى بۇتخانىلارنىڭ روھانىيلىقىغا تاللاپ، خالىغانلىرىنى روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىدى. بۇ گۇناھلىق ئىش ياروبئام پادىشاھ جەمەتىنىڭ كېيىنچە يەر يۈزىدىن قىرىلىپ، پۈتۈنلەي يوقىلىپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى. شۇ ۋاقىتتا ياروبئام پادىشاھنىڭ ئوغلى ئابىيا كېسەل بولۇپ قالدى. ياروبئام پادىشاھ خوتۇنىغا: _ سەن كىيىملىرىڭنى يەڭگۈشلەپ، مېنىڭ خوتۇنۇم ئىكەنلىكىڭنى خەقلەر تونۇۋالالمىغۇدەك ياسىنىپ، شىلوغا بارغىن. ئاخىيا پەيغەمبەر شۇ يەردە تۇرىدۇ. ئۇ ماڭا: «سەن بۇ خەلقنىڭ پادىشاھى بولىسەن» دېگەنىدى. سەن ئۇنىڭ قېشىغا ئون نان، بىرنەچچە توقاچ ۋە بىر قۇتا ھەسەل ئالغاچ بارغىن. ئۇ ساڭا بالىمىزنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، _ دېدى. ياروبئامنىڭ خوتۇنى ئەنە شۇ يۇسۇندا شىلوغا بېرىپ، ئاخىيانىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئاخىيا بەك قېرىپ كەتكەچكە، كۆزلىرى غۇۋالىشىپ، ئېنىق كۆرمەيدىغان بولۇپ قالغانىدى. پەرۋەردىگار ئاخىياغا مۇنداق دېدى: _ ياروبئامنىڭ خوتۇنى سەندىن كېسەل بولۇپ قالغان ئوغلىنىڭ ئىشىنى سورىغىلى كېلىۋاتىدۇ. لېكىن ئۇ باشقا بىر خوتۇن سىياقىدا ياسىنىۋالدى. ئۇ كەلگەندە، سەن ئۇنىڭغا مۇنداق، مۇنداق دېگىن... ئۇ بوسۇغىدىن ئاتلاپ كىرىشىگە ئاخىيا ئۇنىڭ ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلاپ، مۇنداق دېدى: _ ئەي ياروبئامنىڭ خوتۇنى، كىرگىن! سەن نېمىشقا باشقا ئادەمنىڭ سىياقىدا ياسىنىۋالدىڭ؟ ساڭا شۇم خەۋەر ئېيتىشقا ماڭا بۇيرۇق كەلدى. سەن بېرىپ، ياروبئامغا ئېيت: «ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن سېنى خەلق ئىچىدىن تاللاپ، خەلقىم ئىسرائىللارغا باش قىلدىم. پادىشاھلىقنى داۋۇت جەمەتىدىن تارتىۋېلىپ، ساڭا بەردىم، لېكىن سەن خىزمەتكارىم داۋۇتقا ئوخشىمىدىڭ. ئۇ مېنىڭ ئەمرلىرىمگە رىئايە قىلاتتى، پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭا ئەگىشىپ، پەقەت مېنىڭ نەزىرىمدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلاتتى. لېكىن سەن يامان ئىشلارنى قىلىشتا سەندىن ئىلگىرىكى ھۆكۈمرانلاردىنمۇ ئېشىپ كەتتىڭ، ئۆزۈڭگە بۇتلارنى ياسىتىپ ھەم قۇيدۇرۇپ، مەندىن يۈز ئۆرۈپ، غەزىپىمنى كەلتۈردۈڭ. شۇڭا مەن سېنىڭ جەمەتىڭگە بالايىئاپەت چۈشۈرىمەن. ئىسرائىللار ئىچىدە ساڭا تەۋە ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسىنى قېرى، ياش دېمەي ھالاك قىلىمەن. سېنىڭ جەمەتىڭنى نىجاسەتنى سۈپۈرۈپ تاشلىغاندەك قويماي يوقىتىۋېتىمەن. ياروبئام، جەمەتىڭدىن شەھەردە ئۆلگەنلىرىنى ئىتلار، دالىدا ئۆلگەنلىرىنى قاغا-قۇزغۇنلار يەيدۇ. بۇنى، مەن پەرۋەردىگار ئۆزۈم ئېيتتىم.›» تۇر، ئۆيۈڭگە قايت! شەھەرگە قەدەم بېسىشىڭ بىلەن تەڭلا ئوغلۇڭ ئۆلىدۇ. پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ھازا ئېچىپ، ئۇنى دەپنە قىلىدۇ. ياروبئامغا تەۋە كىشىلەر ئىچىدە پەقەت شۇلا قەبرىدە ياتىدۇ. چۈنكى ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا ياروبئام جەمەتىدە پەقەت ئۇنىڭدىنلا ئازراق ياخشىلىقنى بايقىغان. ئىسرائىللارنى باشقۇرۇش ئۈچۈن پەرۋەردىگار باشقا بىر پادىشاھنى تىكلەيدۇ. ئۇ ياروبئام جەمەتىنى يوقىتىدۇ. بۈگۈن بۇ ئىشنىڭ يۈز بېرىدىغان ۋاقتى كەلدى ئەمەسمۇ؟ مانا ھازىرلا يۈز بېرىدۇ! پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا زەربە بېرىدۇ، ئۇلار سۇدىكى قومۇش لىڭشىغاندەك لىڭشىيدۇ. ئۇ ئىسرائىللارنى ئاتا-بوۋىلىرىغا ئاتا قىلغان بۇ مۇنبەت زېمىندىن يۇلۇپ ئېلىپ، فىرات دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىگە تاشلىۋېتىدۇ، چۈنكى ئۇلار «ئاشېرا ئايال ئىلاھى»نىڭ بۇتلىرىنى ياساپ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرگەنىدى. ياروبئامنىڭ ئۆزىنىڭ قىلغان گۇناھلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىسرائىللارنى گۇناھقا يېتەكلىگەنلىك گۇناھى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئىسرائىللاردىن ۋاز كېچىدۇ. ياروبئامنىڭ خوتۇنى ئورنىدىن قوپۇپ، يولغا چىقتى، تىرزاھ شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ، ئۆيىنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلىشى بىلەن تەڭلا ئوغلى جان ئۈزدى. پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى خۇددى پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ خىزمەتكارى ئاخىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقاندەك ھازا ئېچىپ، ئۇنى دەپنە قىلدى. ياروبئام پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ئىزلىرى، قىلغان ئۇرۇشلىرى ۋە قانداق ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەنلىكى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەن. ياروبئام 22 يىل پادىشاھ بولۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىغا كەتتى. ئۇنىڭ ئوغلى ناداب ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى. سۇلايماننىڭ ئوغلى رىخوبئام يەھۇدىيەگە پادىشاھ ئىدى. ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 41 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا (پەرۋەردىگار خەلقلەر ماڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپ، ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ بارلىق شەھەرلىرى ئارىسىدىن تاللىغان شەھەر) 17 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئاممونلۇق بولۇپ، ئىسمى نائاما ئىدى. يەھۇدىيەلىكلەر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ بەكرەك بۇتقا چوقۇنۇپ، پەرۋەردىگارنى قىزغاندۇردى. ئۇلارمۇ ئۆزلىرى ئۈچۈن ھەربىر ئېگىزلىكتە ۋە ھەربىر باراقسان ئۆسكەن دەرەخ تۈۋىدە تاش تۈۋرۈك ۋە ئاشېرا بۇتلىرىغا ئاتاپ سەجدىگاھلارنى ياساپ چىقتى. تېخىمۇ يامان بولغىنى، بۇ زېمىندىكى سەجدىگاھلاردا ئەر ۋە ئايال پاھىشىلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدۇر. خەلق ئۆزلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن يوقىتىلغان يات ئەللەرنى دوراپ، ھەممە يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلدى. رىخوبئام پادىشاھنىڭ بەشىنچى يىلى پىرئەۋن شىشاق يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلدى. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ۋە پادىشاھ ئوردىسىدىكى بايلىقلاردىن تارتىپ، ھېچ نەرسىنى چالا قويماي بۇلاپ كەتتى. سۇلايمان پادىشاھ ياساتقان ئالتۇن قالقانلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەتتى. كېيىن رىخوبئام پادىشاھ ئاشۇ ئالتۇن قالقانلارنىڭ ئورنىغا تۇچ قالقانلارنى ياسىتىپ، ئوردا دەرۋازىسىغا قارايدىغان قاراۋۇللار باشلىقلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇردى. پادىشاھ ھەر قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا بارغاندا قاراۋۇللار بۇ قالقانلارنى كۆتۈرۈپ ماڭاتتى، ئاندىن كېيىن يەنە بۇ قالقانلارنى قورال ئامبىرىغا قويۇپ قوياتتى. رىخوبئام پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ئىزلىرى ۋە بارلىق پائالىيەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەن. يەھۇدىيە پادىشاھى رىخوبئام بىلەن ئىسرائىلىيە پادىشاھى ياروبئام ئوتتۇرىسىدا ئىزچىل ئۇرۇش بولۇپ تۇردى. رىخوبئام ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىغا كەتتى. ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا، يەنى بوۋىسى داۋۇتنىڭ نامىدا ئاتالغان «داۋۇت شەھىرى»گە دەپنە قىلىندى. ئۇنىڭ ئانىسى ئاممونلۇق بولۇپ، ئىسمى نائاما ئىدى. رىخوبئامنىڭ ئوغلى ئابىيا ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى. نىباتنىڭ ئوغلى ئىسرائىلىيە پادىشاھى ياروبئامنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 18-يىلى ئابىيا يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئۈچ يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئابسالومنىڭ قىزى مائاكا ئىدى. ئابىيا ئەجدادى داۋۇت پەرۋەردىگار خۇداغا جان-دىلى بىلەن سادىق بولغاندەك سادىق بولمىدى، ئەكسىچە ئاتىسى بۇرۇن قىلغان گۇناھلارنىڭ ھەممىسىنى قىلدى. لېكىن، پەرۋەردىگار خۇدا داۋۇتنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ، يېرۇسالېمدا ئابىيانىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمىدى. ئۇنىڭ ئوغلىنى تەختكە ۋارىسلىق قىلدۇرۇپ، يېرۇسالېمنى قۇدرەت تاپقۇزدى. پەرۋەردىگارنىڭ بۇنداق قىلىشى، داۋۇتنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلغانلىقىدىن ئىدى. داۋۇت خىتلاردىن بولغان ئۇرىيانىڭ ئىشىدىن باشقا، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىگە ھېچقاچان خىلاپلىق قىلىپ باقمىغانىدى. رىخوبئام بىلەن ياروبئام ئارىسىدا باشلانغان ئۇرۇش ئابىيا پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋام قىلدى. ئابىيا پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ئىزلىرى ۋە بارلىق پائالىيەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەن. ئابىيا بىلەن ئىسرائىلىيە پادىشاھى ياروبئام ئارىسىدا ئۇرۇش بولۇپ تۇردى. ئابىيا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىغا كېتىپ، داۋۇت شەھىرىدە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئاسا ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى ياروبئامنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 20-يىلى ئاسا يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 41 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ مومىسى ئابسالومنىڭ قىزى مائاكا ئىدى. ئاسا ئەجدادى داۋۇتقا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئۇ سەجدىگاھلاردىكى ئەر-ئايال پاھىشىلەرنى زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئاتا-بوۋىلىرى ياساتقان بۇتلارنى پۈتۈنلەي ئېلىپ تاشلىدى. ئۇ ھەتتا مومىسى مائاكانىڭ مەلىكىلىك مەرتىۋىسىنى بىكار قىلدى. چۈنكى ئۇ ئاشېرانىڭ بىر يىرگىنچلىك بۇتىنى ياساتقانىدى. ئاسا ئۇ بەتبەشىرە بۇتنى چېپىپ يىقىتىپ، ئۇنى قىدرون جىلغىسىدا كۆيدۈرۈۋەتتى. گەرچە غەيرىي سەجدىگاھلار يوقىتىۋېتىلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاسا ئۆمۈر بويى جان-دىلى بىلەن پەرۋەردىگارغا سادىق بولۇپ كەلدى. ئۇ ئاتىسى ۋە ئۆزى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان نەرسىلەرنى، يەنى ئالتۇن-كۈمۈش ۋە باشقا بۇيۇملارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا قويدى. يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسا بىلەن ئىسرائىلىيە پادىشاھى باشا ئوتتۇرىسىدا ئىزچىل ئۇرۇش بولۇپ تۇردى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى باشا يەھۇدىيەگە تاجاۋۇز قىلىپ، راماھنى بېسىۋالدى. ھېچكىمنىڭ يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ زېمىنىغا كىرىپ-چىقماسلىقى ئۈچۈن، راماھ شەھىرىنىڭ سېپىلىنى مۇستەھكەملىدى. شۇنىڭ بىلەن ئاسا پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ خەزىنىلىرىدە قالغان پۈتۈن ئالتۇن-كۈمۈشلەر ۋە پادىشاھ ئوردىسىدىكى بايلىقلارنى ئېلىپ، ئۇلارنى ئەمەلدارلىرى ئارقىلىق دەمەشقتىكى ئاررام پادىشاھى بەنھادادقا ئەۋەتتى. بەنھاداد خەزيوننىڭ نەۋرىسى، تابرىمموننىڭ ئوغلى ئىدى. ئاسانىڭ ئەمەلدارلىرى بەنھاداد پادىشاھقا: «ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئوتتۇرىسىدا سۈلھى بولغىنىدەك، ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدىمۇ سۈلھى بولسۇن. مانا بۇ ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى سىلىگە سوۋغات قىلدىم. ئىسرائىلىيە پادىشاھى باشا بىلەن بولغان سۈلھىنى بىكار قىلغايلا. شۇندا، ئۇ زېمىنىمدىن ئۆز قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرىدۇ» دېگەن خەۋەرنى ئېلىپ باردى. بەنھاداد پادىشاھ ئاسا پادىشاھنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۆز قوشۇنلىرىنىڭ سەركەردىلىرىنى ئىسرائىلىيە شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. ئۇلار ئىيون، دان، بەيت-مائاكادىكى ئابېل، جەلىلىيە كۆلى ئەتراپىدىكى بارلىق جايلار ۋە پۈتۈن نافتالى زېمىنىنى ئىشغال قىلدى. باشا پادىشاھ بۇ ئىشلارنى ئاڭلاپلا، راماھ سېپىلىنى مۇستەھكەملەش ئىشىنى توختىتىپ، تىرزاھ شەھىرىدە تۇرۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئاسا پادىشاھ پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، باشا پادىشاھنىڭ راماھنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئىشلەتمەكچى بولغان ياغاچ-تاشلارنى يۆتكىگۈزدى. ھېچكىم بۇ ئىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا بولمايتتى. ئاسا پادىشاھ بۇ ياغاچ-تاشلار بىلەن بىنيامىن زېمىنىدىكى گىبئاھ ۋە مىزپاھ سېپىللىرىنى مۇستەھكەملىدى. ئاسا پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ئىزلىرى، قولغا كەلتۈرگەن ھەممە نەتىجىلىرى، بارلىق پائالىيەتلىرى ۋە مۇستەھكەملىگەن شەھەرلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەن. ئۇ ياشىنىپ قالغاندا، پۇتلىرى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالغانىدى. ئاسا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىغا كەتتى. ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا، يەنى ئەجدادى داۋۇتنىڭ نامىدا ئاتالغان «داۋۇت شەھىرى»گە دەپنە قىلىندى. ئوغلى يىھوشافات ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى. ياروبئامنىڭ ئوغلى ناداب يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئىككىنچى يىلى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ ئىككى يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ناداب پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئاتىسىنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئۇنىڭ ئىسرائىللارنى گۇناھقا پاتۇرغان گۇناھىنى داۋاملاشتۇردى. ئىسساكار قەبىلىسىدىن بولغان ئاخىيانىڭ ئوغلى باشا ناداب پادىشاھقا قارشى سۇيىقەست پىلانلىدى. ناداب پۈتۈن ئىسرائىللارنى باشلاپ فىلىستىيەلىكلەرنىڭ گىببىتون شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئالغىلى كەلگەندە، باشا ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. بۇ ئىش يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ئۈچىنچى يىلى يۈز بەردى. باشا ئۇنىڭ ئورنىغا ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ تەختكە چىقىشى بىلەنلا ياروبئام جەمەتىنىڭ ئادەملىرىنى قىرىپ تۈگەتتى. پەرۋەردىگار، خىزمەتكارى بولغان شىلولۇق ئاخىيا ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقاندەك، باشا ياروبئام جەمەتىنىڭ كىشىلىرىنىڭ بىرىنىمۇ تىرىك قالدۇرماي پۈتۈنلەي ئۆلتۈرۈۋەتتى. بۇنىڭ سەۋەبى، ياروبئامنىڭ ئۆزىنىڭ گۇناھ قىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئىسرائىللارنى گۇناھقا پاتۇرۇشى ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ غەزىپىنى قوزغىغانىدى. ناداب پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ئىزلىرى ۋە بارلىق پائالىيەتلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەن. يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسا بىلەن ئىسرائىلىيە پادىشاھى باشا ئوتتۇرىسىدا ئىزچىل ئۇرۇش بولۇپ تۇردى. يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلى ئاخىيانىڭ ئوغلى باشا تىرزاھتا پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ 24 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ياروبئامنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئۇنىڭغا ئوخشاش گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، ئىسرائىللارنى گۇناھقا پاتۇردى. پەرۋەردىگاردىن خانانىنىڭ ئوغلى يېھۇ پەيغەمبەرگە ۋەھىي كېلىپ، باشانى مۇنداق ئەيىبلىدى: «مەن سېنى چاڭ-توزانلار ئىچىدىن تىكلەپ، خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ بېشى قىلغان بولساممۇ، لېكىن سەن نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ يولىدا مېڭىپ، خەلقىم ئىسرائىللارنى گۇناھقا پاتۇردۇڭ. ئۇلارنىڭ گۇناھى مېنىڭ غەزىپىمنى قوزغىدى. باشا، مانا ئەمدى مەن، سەن ۋە سېنىڭ جەمەتىڭنى ياروبئامنىڭ جەمەتىگە ئوخشاش سۈپۈرۈپ تاشلايمەن. جەمەتىڭدىن شەھەردە ئۆلگەنلىرىنى ئىتلار، دالىدا ئۆلگەنلىرىنى قاغا-قۇزغۇنلار يەيدۇ». باشا پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ئىزلىرى، پائالىيەتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەن. باشا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىغا كېتىپ، تىرزاھ شەھىرىگە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئەلاھ ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى. دېمەك، باشا ياروبئام جەمەتىگە ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەرنى قىلىپ، ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرگەنلىكى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ياروبئامنىڭ جەمەتىنى قىرىپ تاشلىغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگاردىن خانانىنىڭ ئوغلى يېھۇ پەيغەمبەرگە ئەنە شۇ ۋەھىي كېلىپ، باشانى ۋە ئۇنىڭ جەمەتىنى ئەيىبلىدى. يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 26-يىلى باشانىڭ ئوغلى ئەلاھ تىرزاھ شەھىرىدە ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ ئىككى يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىدىن زىمرى، يەنى ئۇنىڭ ھارۋىلىق لەشكەرلىرىنىڭ يېرىمىغا باش بولغان سەركەردىسى ئۇنىڭغا سۇيىقەست پىلانلىدى. بىر كۈنى ئەلاھ پادىشاھ تىرزاھتا ئوردا غوجىدارى ئارزانىڭ ئۆيىدە شاراب ئىچىپ مەست بولۇپ قالدى. زىمرى كىرىپ، ئۇنى چېپىپ ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ تەختىنى تارتىۋالدى. بۇ ۋەقە يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ 27-يىلى يۈز بەردى. زىمرى پادىشاھ بولۇپ، تەختكە چىقىپلا باشانىڭ پۈتۈن جەمەتىنى قىرىپ تاشلىدى. ئۇنىڭ جەمەتى ۋە دوست-يارەنلىرىدىن بىرەر ئەر كىشىنىمۇ تىرىك قالدۇرمىدى. زىمرىنىڭ باشا جەمەتىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ تاشلىشى پەرۋەردىگارنىڭ يېھۇ پەيغەمبەر ئارقىلىق باشاغا ئېيتقان ۋەھىيىسى بويىچە بولدى. بۇنىڭ ھەممىسى باشا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەلاھنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى، ئۇلارنىڭ ئىسرائىللارنى گۇناھقا يىتەكلىگەنلىكى، شۇنداقلا ئەرزىمەس بۇتلىرىغا چوقۇنۇپ، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ غەزىپىنى كەلتۈرگەنلىكى سەۋەبىدىن يۈز بەردى. ئەلاھ پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ئىزلىرى ۋە بارلىق پائالىيەتلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 27-يىلى زىمرى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ تىرزاھ شەھىرىدە يەتتە كۈن تەختتە ئولتۇردى. ئۇ چاغدا ئىسرائىلىيە قوشۇنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ گىببىتون شەھىرىگە يېقىن يەردە بارگاھ قۇرغانىدى. بارگاھتىكىلەر «زىمرى سۇيىقەست پىلانلاپ، پادىشاھنى ئۆلتۈرۈپتۇ» دەپ ئاڭلىشى بىلەنلا، شۇ كۈنى بارگاھتىلا قوشۇن سەركەردىسى ئومرىنى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلىپ تەيىنلىدى. ئومرى بارلىق قوشۇنى بىلەن گىببىتوندىن چىقىپ، تىرزاھنى مۇھاسىرىگە ئالدى. زىمرى شەھەرنىڭ قولدىن كەتكەنلىكىنى كۆرۈپلا، ئوردا ئىچىدىكى قەلئەگە كىرىپ، ئوردىغا ئوت قويۇۋەتتى، ئۆزىمۇ شۇ ئوتتا كۆيۈپ ئۆلدى. بۇ ئۇنىڭ گۇناھ قىلغانلىقىدىن، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ياروبئامنىڭ يولىدا ماڭغانلىقىدىن، خۇددى ياروبئامدەك ئۆزى گۇناھ ئۆتكۈزۈپلا قالماي، ئىسرائىللارنىمۇ گۇناھقا پاتۇرغانلىقىدىن بولغان. زىمرى پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ئىزلىرى ۋە قىلغان سۇيىقەستى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. شۇ ئىشلاردىن كېيىن ئىسرائىللار ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى. خەلقنىڭ يېرىمى گىناتنىڭ ئوغلى تىبنىغا ئەگىشىپ، ئۇنى ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلماقچى بولدى. قالغان يېرىمى ئومرىغا ئەگەشتى. ئومرىغا ئەگەشكەنلەر گىناتنىڭ ئوغلى تىبنىغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلدى. تىبنى ئۆلگەندىن كېيىن، ئومرى پادىشاھ بولدى. يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 31-يىلى ئومرى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ 12 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ ئالدىنقى ئالتە يىل تىرزاھتا ھۆكۈم سۈردى. ئاندىن ئومرى يەتمىش كىلو كۈمۈشكە سەمەر ئىسىملىك بىر كىشىدىن بىر ئېگىزلىكنى سېتىۋېلىپ، ئۇ يەرگە بىر شەھەر قۇردى. ئۇ شەھەرگە شۇ ئېگىزلىكنىڭ ئەسلى ئىگىسىنىڭ نامىنى بېرىپ، ئۇنى «سامارىيە» دەپ ئاتىدى. ئومرى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئۇنىڭ قىلغان رەزىللىكلىرى ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ھەرقانداق پادىشاھلارنىڭكىدىن ئېشىپ كەتتى. ئۇ پۈتۈنلەي نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئام ماڭغان گۇناھلىق يولدا مېڭىپ، ئىسرائىللارنىمۇ گۇناھقا پاتۇردى. ئۇلار ئەرزىمەس بۇتلىرىغا چوقۇنۇپ، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى. ئومرى پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ئىزلىرى، بارلىق پائالىيەتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. ئومرى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىغا كېتىپ، سامارىيەگە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئاخاب ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى. يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 38-يىلى ئومرىنىڭ ئوغلى ئاخاب ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. ئاخاب پادىشاھ سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە 22 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئومرىنىڭ ئوغلى ئاخاب پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ھەممە پادىشاھلاردىنمۇ ئاشۇرۇۋەتتى. ئاخابقا نىسبەتەن نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامغا ئوخشاش گۇناھ ئۆتكۈزۈش ھېچقانچە ئىش ئەمەس بولۇپ، ھەتتا سىدون پادىشاھى ئەتبائالنىڭ قىزى ئىزەبەلنى ئەمرىگە ئېلىپ، بائال دېگەن ئىلاھقا باش ئۇرۇپ، ئىبادەت قىلدى. ئۇ سامارىيەدە بائال بۇتخانىسىنى سالدۇردى ۋە بۇتخانىدا بائالغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساتتى. ئاخاب يەنە ئاشېرا بۇتى ياساتتى. ئاخابنىڭ قىلغان ئىشلىرى پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى، بۇ غەزەپ ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكەن بارلىق ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىغا چۈشكەن غەزەپتىنمۇ ئېشىپ كەتتى. ئاخاب تەختتىكى ۋاقىتلاردا بەيتەللىك خىئېل دېگەن ئادەم ئېرىخا شەھىرىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى. ئۇ شەھەر سېپىلىگە ئۇل سالىدىغان چاغدا تۇنجى ئوغلى ئابىرام ئۆلۈپ كەتتى. شەھەر دەرۋازىسىنى ئورنىتىدىغان چاغدا كەنجى ئوغلى سىگۇب ئۆلۈپ كەتتى. بۇ ئىشلار، خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ئارقىلىق يەتكۈزگەن سۆزىدەك بولدى. گىلئادتىكى تىشبىلىك ئىلياس پەيغەمبەر ئاخاب پادىشاھقا: _ مەن خىزمىتىدە بولۇۋاتقان مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، مۇشۇ بىرنەچچە يىل ئىچىدە مېنىڭ ئىلتىجايىمسىز نە شەبنەم، نە يامغۇر ياغمايدۇ! _ دېدى. ئاندىن پەرۋەردىگار ئىلياسقا مۇنداق دېدى: _ سەن بۇ يەردىن ئايرىلىپ، شەرق تەرەپكە قاراپ مېڭىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى كىرىت ئېقىنى بويىغا يوشۇرۇنۇۋال. سەن شۇ ئېقىننىڭ سۈيىنى ئىچىسەن. مەن قاغىلارنى ساڭا ئوزۇق ئەكېلىپ بېرىشكە بۇيرۇدۇم. شۇنىڭ بىلەن ئىلياس پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بويىچە ئىش كۆرۈپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى كىرىت ئېقىنىغا كېلىپ، ئۇ يەردە تۇردى. قاغىلار ئەتىگىنى ھەم كېچىسى ئۇنىڭغا نان بىلەن گۆش يەتكۈزۈپ بېرىپ تۇردى. ئۇ ئېقىندىن سۇ ئىچتى. لېكىن ئۇ زېمىندا يامغۇر ياغمىغاچقا، بىر مەزگىلدىن كېيىن ئېقىن سۈيى قۇرۇپ كەتتى. ئاندىن پەرۋەردىگار ئىلياس پەيغەمبەرگە مۇنداق دېدى: _ ئورنۇڭدىن تۇر، سىدوندىكى زارىفاتقا بېرىپ، شۇ يەردە تۇر. مەن ئۇ يەردىكى بىر تۇل خوتۇننى سېنى بېقىشقا ئورۇنلاشتۇردۇم. ئىلياس ئورنىدىن تۇرۇپ، زارىفاتقا باردى. ئۇ شەھەر دەرۋازىسىغا ئاز قالغاندا، ئۇ يەردە راستتىنلا بىر تۇل خوتۇن ئوتۇن تېرىپ يۈرەتتى. ئىلياس ئۇنىڭدىن: _ ماڭا ئىچكىلى ئازراق سۇ ئەكېلىپ بەرگەن بولسىڭىز! _ دەپ ئۆتۈندى. ئۇ ئايال سۇ ئالغىلى ماڭغاندا، ئۇ يەنە ئۇنىڭغا: _ ماڭا بىر بۇردا نانمۇ ئالغاچ كەلسىڭىز، _ دەپ توۋلىدى. _ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارىڭىز خۇدا ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، مەندە نان قالمىدى. ئىدىشتا بىر سىقىم ئۇن، كوزىدا ئازغىنا ماي قالدى. مانا، مەن ھازىر ئوتۇن تېرىۋاتىمەن، قايتىپ بېرىپ، ئۆزۈمگە ۋە ئوغلۇمغا ئاخىرقى غىزا تەييارلايمەن. تاماقنى يەپ بولساقلا ئۆلۈمنى كۈتىمىز، _ دېدى ئۇ. لېكىن ئىلياس ئۇنىڭغا: _ قورقماڭ، بېرىپ، دېگىنىڭىزدەك قىلىڭ، لېكىن ئالدى بىلەن قالغان ئۇن ۋە مايدىن ماڭا بىر توقاچ يېقىپ ئەكېلىپ بېرىڭ. ئاندىن ئۆزىڭىز بىلەن ئوغلىڭىزغا يېقىڭ. چۈنكى ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەرۋەردىگار يەر يۈزىگە يامغۇر ياغدۇرغۇچە، ئىدىشتىكى ئۇن تۈگىمەيدۇ، ماي كوزىسى قۇرۇقدىلىپ قالمايدۇ.» _ دېدى. ئۇ بېرىپ، ئىلياسنىڭ دېگەن گېپى بويىچە ئىش كۆردى. ئىلياس ۋە ئۇ ئايالنىڭ ئائىلىسىدىكلەرنىڭ يېمەكلىكى خېلى ئۇزۇن ۋاقىتلارغىچە يېتەرلىك بولدى. خۇددى پەرۋەردىگار ئىلياس ئارقىلىق ئېيتقاندەك، ئىدىشتىكى ئۇن تۈگىمىدى، ماي كوزىسىمۇ قۇرۇقدىلىپ قالمىدى. شۇ ئىشلاردىن كېيىن ئۆينىڭ ئىگىسى بولغان تۇل خوتۇننىڭ ئوغلى كېسەل بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ كېسىلى بەك ئېغىرلاپ كەتكەنلىكتىن نەپىسى توختاپ قالغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ خوتۇن ئىلياسقا: _ ئى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى، ماڭا نېمە ئۈچۈن مۇنداق مۇئامىلە قىلىسىز؟ سىز بۇ يەرگە گۇناھلىرىمنى ئېسىمگە سالغىلى ۋە ئوغلۇمنى ئۆلتۈرگىلى كەلدىڭىزمۇ؟ _ دېدى. _ ئوغلىڭىزنى ماڭا تاپشۇرۇڭ! _ دېدى ئىلياس ئۇنىڭغا. ئاندىن ئۇ ئۇنىڭ قۇچىقىدىن بالىنى ئېلىپ، ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئۆزى تۇرىدىغان ھۇجرىغا ئېلىپ چىقىپ، كارىۋىتىغا قويدى. ئىلياس پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ: _ ئى پەرۋەردىگارىم خۇدا، سەن راستتىنلا مەن بىلەن تۇرۇۋاتقان مۇشۇ تۇل خوتۇننىڭ ئوغلىنىڭ جېنىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ بېشىغا بالا-قازا كەلتۈرەمسەن؟ _ دەپ سورىدى. ئاندىن ئىلياس بالىنىڭ ئۈستىدە ئۈچ قېتىم يېتىپ، پەرۋەردىگارغا: _ ئى پەرۋەردىگارىم خۇدا، بۇ بالىنىڭ جېنىنى قايتۇرۇپ بەرگەيسەن، _ دەپ ئىلتىجا قىلدى. پەرۋەردىگار ئىلياسنىڭ گېپىگە قۇلاق سالدى. بالىنىڭ جېنى تېنىگە قايتىپ كەلدى. بالا تىرىلدى. ئىلياس بالىنى كۆتۈرۈپ، ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ھۇجرىدىن پەسكە چۈشۈپ، بالىنى ئانىسىغا تۇتقۇزۇپ: _ قاراڭ، بالىڭىز تىرىك! _ دېدى. _ مەن سىزنىڭ خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئىكەنلىكىڭىزنى، ئاغزىڭىزدىن چىققان پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ئەمدى بىلدىم، _ دېدى ئۇ تۇل خوتۇن ئىلياسقا. ئۇزۇن ۋاقىتلار ئۆتۈپ، قۇرغاقچىلىقنىڭ ئۈچىنچى يىلىدا پەرۋەردىگار ئىلياسقا مۇنداق دېدى: _ سەن بېرىپ، ئاخابقا ئۆزۈڭنى ئايان قىلغىن، مەن يەر يۈزىگە يامغۇر ياغدۇرىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئىلياس ئاخاب پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈشكە يولغا چىقتى. ئۇ چاغدا سامارىيەدىكى ئاچارچىلىق ئېغىرلىشىپ كەتكەنىدى. ئاخاب پادىشاھ، ئوردىسىنىڭ غوجىدارى ئوبادىيانى چاقىرتتى. (ئوبادىيا پەرۋەردىگارغا تولىمۇ ئىخلاسمەن ئادەم ئىدى. ئاخابنىڭ ئايالى ئىزەبەل پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈرۈۋاتقاندا، ئوبادىيا ئۇلاردىن يۈز ئادەمنى ئېلىپ مېڭىپ، ئەللىكتىن قىلىپ، ئىككى ئۆڭكۈرگە يوشۇرۇپ، ئۇلارنى نان ھەم سۇ بىلەن تەمىنلىگەنىدى.) ئاخاب پادىشاھ ئوبادىياغا: _ سەن زېمىننى ئارىلاپ، پۈتۈن بۇلاق ھەم ئېقىنلارغىچە بېرىپ باق، ئات، قېچىرلارنىڭ جېنىنى ساقلىغۇدەك ئوتلاقلارنى تاپالىساق ئەجەب ئەمەس، ئۇ چاغدا ماللارنى ئۆلتۈرۈشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئىككىگە بۆلۈنۈپ، يۇرتلارنى چارلاشقا ماڭدى. ئاخاب پادىشاھ ئۆز ئالدىغا بىر يولغا، ئوبادىيامۇ ئۆز ئالدىغا باشقا بىر يولغا ماڭدى. ئوبادىيا يولدا كېتىۋاتقىنىدا، ئىلياس ئۇنى ئۇچراتتى. ئوبادىيا ئۇنى تونۇپ، بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلىپ: _ بۇ سىلىمۇ، ئى خوجام ئىلياس؟ _ دېدى. ئىلياس ئۇنىڭغا: _ مەن شۇ. سەن بېرىپ خوجاڭغا: «ئىلياس مۇشۇ يەردە ئىكەن» دەپ ئېيتقىن، _ دېدى. ئوبادىيا ئۇنىڭغا: _ قانداق گۇناھ ئۆتكۈزگىنىمگە مەن قۇللىرىنى خوجام ئاخابنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ ئۆلتۈرگۈزمەكچى بولىدىلا؟ مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، خوجام ئادەم ئەۋەتىپ، سىلىنى ئىزدىمىگەن بىرمۇ ئەل ياكى پادىشاھلىق قالمىدى. كىشىلەر ئەگەر سىلىنى «ئۇ يەردە يوق» دېسە، ئۇ شۇ پادىشاھلىق ياكى ئەلنى سىلىنى تاپالمىغانلىقىغا قەسەم ئىچكۈزدى. ئەمدى ئۆزلىرى: «سەن بېرىپ، خوجاڭغا ‹ئىلياس مۇشۇ يەردە ئىكەن› دەپ ئېيتقىن» دەۋاتىدىلا. مەن سىلىنىڭ يانلىرىدىن كەتسەم، پەرۋەردىگارنىڭ روھى سىلىنى مەن بىلمەيدىغان يەرگە ئېلىپ كەتسە، مەن بېرىپ، ئاخابقا دېسەم، ئۇ سىلىنى تاپالمىسا، كىچىكىمدىن تارتىپ پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەن بولۇپ كەلگەن مەن قۇللىرىنىمۇ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. خوجام، ئىزەبەل پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈرۈۋاتقان چاغدا مېنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن يۈز كىشىنى ئەللىكتىن قىلىپ، ئىككى ئۆڭكۈرگە يوشۇرۇپ، ئۇلارنى نان ھەم سۇ بىلەن تەمىنلىگىنىمدىن خەۋەر تاپتىلىمىكىن؟ ئەمدى ئۆزلىرى: «سەن بېرىپ، خوجاڭغا: ‹ئىلياس مۇشۇ يەردە ئىكەن› دەپ ئېيتقىن» دەۋاتىدىلا. ئۇنداق قىلسام ئۇ مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ، _ دېدى. ئەمما ئىلياس ئۇنىڭغا: _ مەن خىزمىتىنى قىلىدىغان، مەڭگۈ ھايات قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، بۈگۈن مەن جەزمەن ئاخابقا ئۆزۈمنى ئايان قىلىمەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ئوبادىيا ئاخاب پادىشاھ بىلەن كۆرۈشكىلى بېرىپ، ئۇنىڭغا ئىلياسنىڭ خەۋىرىنى بەردى. ئاخاب ئىلياس بىلەن كۆرۈشكىلى باردى. ئاخاب ئىلياسقا: _ ئىسرائىلىيەگە ئاۋارىچىلىك تېپىپ بەرگۈچى سەن ئەمەسمۇ؟ _ دېدى. _ ئىسرائىلىيەگە ئاۋارىچىلىك تېپىپ بەرگەن مەن ئەمەس، بەلكى سەن ۋە ئاتاڭنىڭ جەمەتى، چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى تاشلاپ، بائال بۇتلىرىغا ئەگەشتىڭلار. ئەمدى سەن ئادەم ئەۋەتىپ، بارلىق ئىسرائىل خەلقىنى ۋە ئۇلارغا قوشۇپ ئىزەبەلنىڭ داستىخىنىدىن غىزالىنىدىغان بائالنىڭ 450 پەيغەمبىرى بىلەن ئاشېرانىڭ 400 پەيغەمبىرىنى كارمەل تېغىغا چاقىرىپ، مېنىڭ ئالدىمدا جەم قىل، _ دېدى ئىلياس. ئاخاب پادىشاھ پۈتۈن ئىسرائىللارغا خەۋەر ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ۋە پەيغەمبەرلەرنى كارمەل تېغىغا جەم قىلدى. ئىلياس خالايىققا يېقىن كېلىپ: _ سىلەر قاچانغىچە ئىككىلىنىپ يۈرىسىلەر؟ ئەگەر پەرۋەردىگار «ياھۋەھ» ھەقىقىي خۇدا بولسا، «ياھۋەھ»كە ئەگىشىڭلار، بائال ھەقىقىي خۇدا بولسا بائالغا ئەگىشىڭلار، _ دېدى. لېكىن خالايىق ئۇنىڭغا بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىدى. ئاندىن ئىلياس خالايىققا: _ پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن پەقەت مەنلا قالدىم، بائالنىڭ پەيغەمبەرلىرى بولسا 450. ئەمدى بىزگە ئىككى بۇقا كەلتۈرۈلسۇن. بائالنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئۆزلىرىگە بۇقىدىن بىرنى تاللاپ، پارچىلاپ، ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قويسۇن، لېكىن ئوت ياقمىسۇن. مەنمۇ يەنە بىر بۇقىنى پارچىلاپ، ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قويىمەن، ئوت ياقمايمەن. سىلەرمۇ ئۆز خۇدايىڭلارنىڭ نامىغا ئىلتىجا قىلىڭلار، مەنمۇ پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئىلتىجا قىلىمەن. ئوت ئارقىلىق جاۋاب بەرگىنى ھەقىقىي خۇدادۇر، _ دېدى. خالايىقنىڭ ھەممىسى: _ بۇ ياخشى گەپ بولدى! _ دېيىشتى. ئىلياس بائالنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە: _ سىلەرنىڭ ئادىمىڭلار كۆپ بولغاندىكىن، ئالدى بىلەن بىر بۇقىنى سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن تاللاپ تەييارلاپ، خۇدايىڭلارنىڭ نامىغا ئىلتىجا قىلىڭلار، لېكىن ئوت ياقماڭلار، _ دېدى. ئۇلار ئۆزلىرىگە بېرىلگەن بۇقىنى ئەكېلىپ تەييارلاپ، ئەتىگەندىن چۈشكىچە بائالنىڭ نامىغا ئىلتىجا قىلىپ: _ ئى بائال، بىزگە جاۋاب بەرگەيسەن! _ دېيىشتى. لېكىن ھېچقانداق سادا چىقمىدى، ھېچكىممۇ جاۋاب قايتۇرمىدى. ئۇلار ئۆزلىرى سالغان قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئەتراپىدا ئۇسسۇل ئويناشتى. چۈش ۋاقتى كەلگەندە، ئىلياس ئۇلارنى مازاق قىلىپ: _ ئۇ دېگەن «خۇدا» تۇرسا، يۇقىرى ئاۋازدا توۋلاپ ئىلتىجا قىلمامسىلەر؟ ئۇ بەلكىم چوڭقۇر خىيالغا چۈشۈپ كەتكەندۇ، ياكى ئالدىراشتۇ، ياكى ساياھەت قىلىپ يۈرگەندۇ، ياكى ئۇخلاپ قالغان بولسا ئويغىتىشىڭلار كېرەكتۇ، _ دېدى. ئاندىن ئۇلار ئۈنلۈك توۋلاپ، ئۆزلىرىنىڭ ئادىتى بويىچە ئۆزلىرىگە قىلىچ ۋە نەيزە سانجىپ، قان ئاققۇزدى. چۈشتىن كېيىنمۇ تاكى كەچلىك قۇربانلىق ۋاقتىغىچە داۋاملىق ئالا-تاغىل توۋلاشتى. لېكىن يەنىلا سادا چىقمىدى، جاۋابمۇ كەلمىدى، ھېچ ئېتىبار بېرىلمىدى. ئىلياس خالايىققا: _ ماڭا يېقىن كېلىڭلار، _ دېۋىدى، جىمى خالايىق ئۇنىڭغا يېقىن كەلدى. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ چېقىپ تاشلانغان قۇربانلىق سۇپىسىنى قايتىدىن ياساپ چىقماقچى بولدى. پەرۋەردىگار بۇرۇن ياقۇپقا: «سېنىڭ ئىسمىڭ ئىسرائىل بولسۇن» دېگەنىدى. ئىلياس ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان قەبىلىلەرنىڭ سانى بويىچە ئون ئىككى تاشنى ئالدى. ئۇ بۇ تاشلار بىلەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىسى سېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنى چۆرگۈلەپ ئالتە كىلو ئۇرۇق پاتقۇدەك ئورەك كولىدى. ئاندىن ئوتۇننى تىزىپ، بۇقىنى سويۇپ پارچىلاپ، ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قويۇپ: _ قۇربانلىق ۋە ئوتۇننىڭ ئۈستىگە تۆت ئىدىش سۇ قۇيۇڭلار، _ دېدى. ئۇ يەنە: _ ئىككىنچى قېتىم قۇيۇڭلار، _ دېدى. ئۇلار ئىككىنچى قېتىم سۇ قۇيدى. ئۇ يەنە: _ ئۈچىنچى قېتىم قۇيۇڭلار، _ دېدى. ئۇلار ئۈچىنچى قېتىم سۇ قۇيدى. سۇ قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئەتراپىغا يېيىلدى. ئىلياس ئورەكنىمۇ سۇ بىلەن تولدۇردى. كەچلىك قۇربانلىق ۋاقتى كەلگەندە، ئىلياس پەيغەمبەر خالايىققا يېقىن كېلىپ: _ ئى پەرۋەردىگار _ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ئىسرائىل ئېتىقاد قىلغان خۇدا، بۈگۈن ئۆزۈڭنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ خۇداسى ئىكەنلىكىڭ، مېنىڭ سېنىڭ خىزمەتكارىڭ ئىكەنلىكىم ۋە مېنىڭ بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى سېنىڭ سۆزۈڭ بويىچە قىلغانلىقىم مەلۇم بولغاي. ماڭا جاۋاب بەرگىن، ئى پەرۋەردىگار، ماڭا جاۋاب بەرگىن! بۇ خەلق سېنىڭ ھەقىقىي خۇدا ئىكەنلىكىڭنى ۋە سېنىڭ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى توغرا يولغا باشلىغۇچى ئىكەنلىكىڭنى بىلسۇن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئەرشتىن ئوت چۈشۈرۈپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى، ئوتۇننى، تاشلارنى ۋە توپىنى كۆيدۈرۈپ، ئورەكتىكى سۇنىمۇ قۇرۇتۇۋەتتى. جىمى خالايىق بۇنى كۆرۈپ، يەرگە باش ئۇرۇپ: _ پەرۋەردىگار «ياھۋەھ» ھەقىقىي خۇدا ئىكەن! پەرۋەردىگار «ياھۋەھ» ھەقىقىي خۇدا ئىكەن! _ دېيىشتى. ئاندىن ئىلياس ئۇلارغا: _ بائالنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى تۇتۇڭلار، بىرىنىمۇ قاچۇرۇپ قويماڭلار، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۇلارنى تۇتتى. ئىلياس ئۇلارنى قىشون ئېقىنىغا ئېلىپ چۈشۈپ، شۇ يەردە قەتل قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىلياس ئاخاب پادىشاھقا: _ سەن بېرىپ غىزالىنىپ، ئۇسسۇلۇق ئىچكىن! قاتتىق يامغۇر ياغىدىغان شەپە كېلىپ قالدى، _ دېدى. ئاخاب غىزالانغىلى كەتتى. لېكىن ئىلياس كارمەل تېغىنىڭ چوققىسىغا چىقىپ، بېشىنى تىزلىرىنىڭ ئارىسىغا قويۇپ يۈكۈنۈپ ياتتى. ئۇ خىزمەتكارىغا: _ سەن بېرىپ، دېڭىز تەرەپكە قاراپ باققىن، _ دېدى. ئۇ بېرىپ، قاراپ كېلىپ: _ ھېچنېمە يوق ئىكەن، _ دېدى. ئىلياس ئۇنىڭغا: _ يەنە بېرىپ قارىغىن، _ دەپ، ئۇدا يەتتە قېتىم دېدى. يەتتىنچى قېتىمدا خىزمەتكار: _ ئەنە، ئادەم ئالىقىنىچىلىك كېلىدىغان بىر كىچىك بۇلۇت دېڭىزدىن كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ، _ دېدى. ئىلياس ئۇنىڭغا: _ ئەمدى سەن بېرىپ، ئاخابقا: «يامغۇردا توسۇلۇپ قالماسلىقىڭ ئۈچۈن، ھارۋاڭنى قېتىپ، تاغدىن چۈش» دېگىن، _ دېدى. بۇلۇت ۋە بوران بىلەن ئاسمان بارا-بارا قاراڭغۇلىشىپ، قاتتىق يامغۇر يېغىشقا باشلىدى. ئاخاب ھارۋىسىغا چىقىپ، يىزرىئەل شەھىرىگە كەتتى. پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرىتى ئىلياسقا چۈشتى. ئىلياس بېلىنى باغلاپ، ئاخابنىڭ ئالدىدا يۈگۈرۈپ، يىزرىئەلگە يېتىپ باردى. ئاخاب پادىشاھ ئىلياس پەيغەمبەرنىڭ قىلغان پۈتۈن ئىشلىرىنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ بائالنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى قىلىچ بىلەن قانداق ئۆلتۈرگەنلىكىنىڭ ھەممىسىنى ئايالى ئىزەبەلگە ئېيتىپ بەردى. ئىزەبەل بىر ئەلچى ئەۋەتىپ ئىلياسقا: «ئەتە مۇشۇ چاغدا سېنىڭ جېنىڭنى سەن ئاشۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ جېنىنى ئالغاندەك ئالمايدىغان بولسام، ئىلاھلار مېنى قاتتىق جازالىسۇن!» دېدى. ئىلياس قورقۇپ، ئورنىدىن قوپتى-دە، جېنىنى ئېلىپ قاچتى. ئۇ يەھۇدىيەدىكى بەئەرشەباغا كېلىپ، خىزمەتكارىنى شۇ يەردە قالدۇردى. ئۆزى بىر كۈنلۈك يول يۈرۈپ، چۆلگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ، بىر تۈپ چاتقال تۈۋىگە كېلىپ ئولتۇرۇپ، پەرۋەردىگارغا: _ ئى پەرۋەردىگار، بولدى تويدۇم، جېنىمنى ئال، مېنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمدىن ئارتۇق يېرىم يوق، _ دەپ خىتاب قىلدى. ئۇ چاتقالنىڭ تۈۋىدە يېتىپ ئۇخلاپ قالدى. توساتتىن بىر پەرىشتە ئۇنى نوقۇپ: _ تۇر، غىزالىنىۋال! _ دېدى. ئۇ كۆزىنى ئېچىپ قارىسا، بېشىدا بىر كۆمەچ بىلەن بىر كوزا سۇ تۇرۇپتۇ. ئۇ غىزالىنىپ، يەنە ياتتى. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يەنە ئۇنى نوقۇپ: _ تۇر، غىزالانغىن! بولمىسا، سەپىرىڭ ساڭا تەس كېلىدۇ، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، غىزالىنىپ، شۇ تاماقنىڭ كۈچى بىلەن قىرىق كېچە-كۈندۈز يول مېڭىپ، خۇدانىڭ تېغى بولغان سىناي تېغىغا كەلدى. ئىلياس كېچىنى بىر غاردا ئۆتكۈزدى. ئۇ يەردە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئىلياس، بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟ _ ئى پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، مەن ساڭا ئوتتەك قىزغىن بولۇپ كەلگەن بولساممۇ، لېكىن ئىسرائىللار سېنىڭ ئەھدەڭنى تاشلاپ، قۇربانلىق سۇپىلىرىڭنى چېقىپ، پەيغەمبەرلىرىڭنى قىلىچلاپ ئۆلتۈردى. يالغۇز مەنلا قالغانىدىم، ئۇلار ئەمدى مېنىڭمۇ جېنىمنى ئالماقچى بولۇشۇۋاتىدۇ، _ دېدى ئىلياس. _ سەن غاردىن چىقىپ، تاغدا مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇر، يېنىڭدىن ئۆتىمەن _ دېدى پەرۋەردىگار. قاتتىق، كۈچلۈك بوران تاغلارنى يېرىپ، قورام تاشلارنى پارچىلىۋەتتى، لېكىن پەرۋەردىگار بوران بىلەن كەلمىدى. بوران ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، يەر تەۋرىدى، لېكىن پەرۋەردىگار يەر تەۋرەش بىلەنمۇ كەلمىدى. يەر تەۋرەش توختىغاندىن كېيىن، ئوت پەيدا بولدى، لېكىن پەرۋەردىگار ئوت بىلەنمۇ كەلمىدى. ئوت ئۆچكەندىن كېيىن، مەيىن شامالنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. ئىلياس بۇنى ئاڭلاپ، تونى بىلەن يۈزىنى ئېتىپ چىقىپ، غارنىڭ ئېغىزىدا تۇردى. ئاندىن ئۇنىڭغا: _ ئەي ئىلياس، بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟ _ دېگەن سادا ئاڭلاندى. ئىلياس جاۋابەن: _ ئى پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، مەن ساڭا ئوتتەك قىزغىن بولۇپ كەلگەن بولساممۇ، لېكىن ئىسرائىللار سېنىڭ ئەھدەڭنى تاشلاپ، قۇربانلىق سۇپىلىرىڭنى چېقىپ، پەيغەمبەرلىرىڭنى قىلىچلاپ ئۆلتۈردى. يالغۇز مەنلا قالغانىدىم، ئۇلار ئەمدى مېنىڭمۇ جېنىمنى ئالماقچى بولۇشىۋاتىدۇ، _ دېدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ ئەمدى كەلگەن يولۇڭ بىلەن قايتىپ، دەمەشقنىڭ چۆلىگە بار. ئۇ يەرگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، خازائېلنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئۇنى ئاررامنىڭ پادىشاھلىقىغا تەيىنلە. يەنە نىمشىنىڭ نەۋرىسى يېھۇنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئۇنى ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىقىغا تەيىنلە. ئابېل-مىخولالىق شافاتنىڭ ئوغلى ئېلىشانى سېنىڭ ئورنۇڭدا پەيغەمبەرلىككە تەيىنلە. خازائېلنىڭ قىلىچىدىن قۇتۇلۇپ قالغان ھەرقانداق كىشىنى يېھۇ ئۆلتۈرىدۇ، يېھۇنىڭ قىلىچىدىن قۇتۇلۇپ قالغان ھەرقانداق كىشىنى ئېلىشا ئۆلتۈرىدۇ. مەن، ئىسرائىللاردىن بائال دېگەن بۇتقا تىز پۈكۈپ، سەجدە قىلمىغان ۋە ئۇنى لېۋى بىلەن سۆيمىگەن يەتتە مىڭ كىشىنى قالدۇرىمەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىلياس ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، شافاتنىڭ ئوغلى ئېلىشانى ئىزدەپ تاپتى. بۇ چاغدا ئېلىشا قوش ھەيدەۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئالدىدا ئون ئىككى جۈپ ئۆكۈز بولۇپ، ئۇ ئون ئىككىنچى جۈپ ئۆكۈز بىلەن بىللە تۇراتتى. ئىلياس ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۆزىنىڭ تونىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە ياپتى. ئېلىشا ئۆكۈزلىرىنى تاشلاپ قويۇپ، ئىلياسنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرۈپ: _ ئاتا-ئانامنى سۆيۈپ خوشلىشىۋېلىشىمغا رۇخسەت قىلسىڭىز، ئاندىن سىزگە ئەگەشسەم، _ دېدى. ئىلياس ئۇنىڭغا: _ بېرىشىڭ زۆرۈر بولسا، بېرىپ كەل، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئېلىشا ئۇنىڭ قېشىدىن كەتتى. ئۇ بىر جۈپ ئۆكۈزىنى يېتىلەپ كېلىپ، قۇربانلىق قىلدى، ئۇ ئۆكۈزنىڭ جابدۇقلىرىنى ئوتۇن قىلىپ، گۆشىنى پىشۇرۇپ، جامائەتكە تارقىتىپ بەردى، ئۇلار گۆشلەرنى يېيىشتى. ئاندىن ئۇ ئىلياسقا ئەگەشتى ۋە ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولدى. بىر كۈنى ئاررام پادىشاھى بەنھاداد پۈتۈن قوشۇنىنى يىغدى. ئۇ قول ئاستىدىكى 32 بەگ ۋە ئۇلارنىڭ ئاتلىرى ۋە جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن بىرگە، سامارىيەگە قورشاپ ھۇجۇم قىلدى. ئۇ شەھەرگە ئەلچى ئەۋەتىپ، ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخابقا مۇنداق دېدى: _ بەنھاداد پادىشاھ دەيدۇ: «سېنىڭ ئالتۇن-كۈمۈشلىرىڭ، خوتۇنلىرىڭ شۇنداقلا بالىلىرىڭنىڭ كۈچتۈڭگۈرلىرى مېنىڭكى». ئىسرائىلىيە پادىشاھى جاۋابەن: _ ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلىنىڭ سۆزلىرى بويىچە بولغاي. مەن ۋە مەندە بار ھەممە نەرسە ئۆزلىرىنىڭكىدۇر، _ دېدى. ئەلچىلەر يەنە كېلىپ: _ بەنھاداد پادىشاھ دەيدۇكى: «مەن ساڭا ئالتۇن-كۈمۈشلىرىڭ ۋە خوتۇن-بالىلىرىڭنى بېرىسەن دەپ ئېيتقانىدىم. بىراق، ئەتە مۇشۇ ۋاقىتتا مەن ئەمەلدارلىرىمنى قېشىڭغا ئەۋەتىمەن، ئۇلار سېنىڭ ئورداڭ بىلەن ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ئۆيلىرىنى ئاختۇرىدۇ. ئۇلار سېنىڭ نەزىرىڭدە نېمە ئەزىز بولسا، شۇنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كېتىدۇ»، _ دېدى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى زېمىنىدىكى ئاقساقاللارنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ، ئۇلارغا: _ بۇ ئادەمنىڭ نىيىتىنىڭ يامانلىقىغا قاراڭلار. ئۇ، ئادەم ئەۋەتىپ، خوتۇن-بالىلىرىمنى ۋە ئالتۇن-كۈمۈشلىرىمنى تەلەپ قىلغاندا، مەن ئۇنىڭغا ياق دېمىدىم، _ دېدى. ئاقساقاللار ۋە خالايىقنىڭ ھەممىسى: _ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىسىلا ھەم ماقۇل بولمىسىلا! _ دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئاخاب بەنھادادنىڭ ئەلچىلىرىگە: _ پادىشاھ ئالىيلىرىغا مۇنۇ سۆزۈمنى يەتكۈزۈپ قويغايسىلەر: «كەمىنىلىرىدىن دەسلەپتە تەلەپ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئورۇنلايمەن، لېكىن كېيىنكى تەلەپنى مەن ئورۇنلىيالمايمەن»، _ دېدى. ئەلچىلەر قايتىپ، بۇ سۆزنى بەنھادادقا يەتكۈزدى. بەنھاداد ئاخابقا خەۋەر ئەۋەتىپ: _ پۈتۈن سامارىيەنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ، تۈزلەپ تاشلىغىنىمدا، ئۇ يەردە ماڭا ئەگەشكەن كىشىلەرنىڭ قولىغا چىققۇدەك يىڭنە چاغلىق بىر نەرسە قالىدىغان بولسا، ئىلاھلار مېنى ئېغىر جازالىغاي، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيە پادىشاھى: _ ئۇنىڭغا: «ئادەم دۇبۇلغا-ساۋۇتنى كىيىشتىن بۇرۇن ئەمەس، بەلكى يەشكەندىن كېيىن ماختىنىشى كېرەك!» دەڭلار _ دېدى. بەنھاداد بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندا، بەگلەر بىلەن چېدىردا شاراب ئىچىۋاتاتتى. ئۇ قول ئاستىدىكىلەرگە: _ ھۇجۇمغا تەييارلىنىڭلار! _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سامارىيەگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلاندى. بۇ چاغدا بىر پەيغەمبەر ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخابنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ زور قوشۇننى كۆردۈڭمۇ؟ مانا بۈگۈن مەن ئۇلارنى سېنىڭ قولۇڭغا چۈشۈرۈپ بېرىمەن. شۇ چاغدا سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسەن»، _ دېدى. ئاخاب ئۇنىڭدىن: _ كىم ئارقىلىق بېرىدۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۆلكە ھۆكۈمرانلىرىنىڭ قول ئاستىدىكى ياش پالۋانلار ئارقىلىق»، _ دېدى پەيغەمبەر. ئاخاب: _ جەڭنى كىم باشلايدۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ سىلى، _ دېدى پەيغەمبەر. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆلكە ھۆكۈمرانلىرىنىڭ قول ئاستىدىكى ياش پالۋانلارنى چاقىردى. ئۇلار 232 ئادەم ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەنە پۈتۈن ئىسرائىلىيە قوشۇنىنى چاقىردى. ئۇلارنىڭ سانى 7000 ئادەم ئىدى. چۈش ۋاقتىدا بەنھاداد ۋە ئۇنىڭغا ياردەمدە بولغان 32 بەگ چېدىردا شاراب ئىچىپ مەست بولۇپ ئولتۇرۇۋاتقاندا، ئىسرائىللار ھۇجۇمغا چىقتى. ئالدى بىلەن ئۆلكە ھۆكۈمرانلىرىنىڭ قول ئاستىدىكى ياش پالۋانلار شەھەردىن چىقتى. بەنھاداد ئايغاقچىلارنى ئەۋەتكەنىدى، ئۇلار ئۇنىڭغا: _ سامارىيەدىن ئادەملەر چىقتى، _ دېدى. بەنھاداد: _ مەيلى ئۇلار تىنچلىق ئۈچۈن چىققان بولسۇن ياكى جەڭ قىلىش ئۈچۈن چىققان بولسۇن، ئۇلارنى تىرىك تۇتۇڭلار! _ دېدى. ئۇ ۋاقىتتا ئۆلكە ھۆكۈمرانلىرىنىڭ قول ئاستىدىكى ياش پالۋانلار ۋە ئۇلارغا ئەگىشىپ ماڭغان قوشۇن شەھەردىن چىقىپ بولغانىدى. ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆزىگە ئۇچرىغان دۈشمەننى ئۆلتۈردى. ئارراملار قېچىشتى، ئىسرائىللار كەينىدىن قوغلاپ ماڭدى. ئاررام پادىشاھى بەنھاداد ئاتقا مىنىپ، بىرنەچچە ئاتلىقلار بىلەن بىللە قاچتى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئارراملارنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىرىغا زەربە بېرىپ، ئۇلارنى زور دەرىجىدە قىرغىن قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ پەيغەمبەر ئىسرائىلىيە پادىشاھىنىڭ قېشىغا كېلىپ: _ بېرىپ ئۆزلىرىنى كۈچەيتىپ، نېمە قىلىش كېرەكلىكلىرىنى ياخشى بىلسىلە. چۈنكى ئەتىياز كېلىشى بىلەن ئاررام پادىشاھى قايتىدىن سىلىگە قارشى چىقىدۇ، _ دېدى. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئاررام پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارلىرى پادىشاھقا: _ ئۇلارنىڭ ئىلاھى تاغ ئىلاھى بولغاچقا، بىزدىن كۈچلۈك كەلدى. بىراق بىز ئۇلار بىلەن تۈزلەڭلىكتە جەڭ قىلساق، جەزمەن ئۇلاردىن كۈچلۈك كېلەلەيمىز. مۇنداق قىلغايلا: بەگلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا سەردارلارنى قويغايلا. ئالدىنقى قېتىم قانچىلىك لەشكەر، ئات، جەڭ ھارۋىسى يوقاتقان بولسىلا، شۇنچىلىك لەشكەر، ئات، جەڭ ھارۋىسى توپلاپ، قوشۇن تەشكىل قىلغايلا. ئاندىن بىز تۈزلەڭلىكتە ئۇلارغا قارشى جەڭ قىلايلى. شۇنداق بولغاندا بىز جەزمەن ئۇلاردىن كۈچلۈك چىقالايمىز، _ دېدى. ئاررام پادىشاھى ئۇلارنىڭ گېپىگە قۇلاق سېلىپ، شۇ بويىچە ئىش كۆردى. ئەتىياز كېلىشى بىلەن بەنھاداد قوشۇنلىرىنى يىغىپ، ئىسرائىللارغا قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن ئافېققا باردى. ئىسرائىللارمۇ قوشۇنىنى توپلاپ، ئوزۇق-تۈلۈك تەييارلاپ، ئۇلارغا قارشى ئاتلاندى. ئىسرائىللار ئارراملارغا ئۇدۇل يەردە بارگاھ قۇردى. بىراق ئۇلار دالانى قاپلىغان ئارراملارنىڭ ئالدىدا، خۇددى ئىككى كىچىك ئۆچكە توپىدەك ئىدى. خۇدانىڭ يەنە بىر پەيغەمبىرى ئىسرائىلىيە پادىشاھىنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئارراملار مېنى، تۈزلەڭلىك ئىلاھى ئەمەس، بەلكى تاغ ئىلاھى، دېگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بۇ زور قوشۇنىنىڭ ھەممىسىنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن. ئاندىن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسىلەر»، _ دېدى. ئىسرائىللار بىلەن ئارراملار يەتتە كۈن بىر-بىرىنىڭ ئۇدۇلىدا بارگاھ قۇرۇپ تۇرۇشتى. يەتتىنچى كۈنى جەڭ باشلاندى. ئىسرائىللار بىر كۈن ئىچىدە ئاررام پىيادە لەشكەرلىرىدىن 100 مىڭ كىشىنى قىرىپ تاشلىدى. ھايات قالغانلار ئافېق شەھىرىگە قېچىپ كىرىۋالغان بولسىمۇ، شەھەر سېپىلى ئۆرۈلۈپ، 27 مىڭ ئادەمنىڭ ھەممىسىنى بېسىۋالدى. بەنھادادمۇ شەھەرگە قېچىپ كىرىپ، بىر ئۆينىڭ ئەڭ ئىچكىرىسىدىكى خانىسىغا يوشۇرۇنۇۋالدى. ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا: _ ئاڭلىشىمىزچە ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرى رەھىمدىل ئىكەن. بىزنىڭ ئىسرائىلىيە پادىشاھىنىڭ يېنىغا بېرىشىمىزغا رۇخسەت قىلغايلا، بىز بېلىمىزگە ماتا باغلاپ، بوينىمىزغا ئارغامچا سالايلى. ئۇ ئۆزلىرىنىڭ بىر قوشۇق قانلىرىدىن كەچسە ئەجەب ئەمەس، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بەللىرىگە ماتا باغلانغان، بويۇنلىرىغا ئارغامچا سېلىنغان ھالەتتە ئىسرائىلىيە پادىشاھىنىڭ ئالدىغا بېرىپ: _ قۇللىرى بەنھاداد ئۆزلىرىدىن بىر قوشۇق قېنىنى تىلەيدۇ، _ دېدى. _ ئۇ تېخى ھاياتمۇ؟ ئۇ دېگەن مېنىڭ قېرىندىشىم! _ دېدى ئاخاب. ئەمەلدارلار بۇنى بىر ياخشىلىقنىڭ بېشارىتى دەپ چۈشىنىپ، تېزدىن بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ: _ بەنھاداد سىلىنىڭ قېرىنداشلىرىدۇر! _ دېيىشتى. ئاخاب: _ ئۇنى يېنىمغا ئېلىپ كېلىڭلار! _ دېدى. بەنھاداد ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئاخاب ئۇنى ئۆز ھارۋىسىغا چىقىشقا تەكلىپ قىلدى. بەنھاداد ئۇنىڭغا: _ ئاتام سىلىنىڭ ئاتىلىرىدىن تارتىۋالغان شەھەرلەرنى سىلىگە قايتۇرۇپ بېرەي. خۇددى ئاتام سامارىيەدە قىلغىنىدەك، سىلىمۇ دەمەشقتە ئۆزلىرىگە بازارلارنى سالدۇرغايلا، _ دېدى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى جاۋابەن: _ مۇشۇ سۈلھى بىلەن مەن سېنى قويۇۋېتىمەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئاخاب ئۇنىڭ بىلەن سۈلھى تۈزۈپ، ئۇنى قويۇۋەتتى. پەيغەمبەرلەر جامائىتىدىن بىر پەيغەمبەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن يەنە بىر پەيغەمبەرگە: _ مېنى ئۇر، _ دېدى. بىراق ئۇ ئۇنداق قىلىشقا ئۇنىمىدى. ئاندىن ئۇ پەيغەمبەر ئۇنىڭغا: _ سەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىغانلىقىڭ ئۈچۈن، مېنىڭ يېنىمدىن كېتىشىڭ بىلەنلا سېنى بىر شىر ئۆلتۈرىدۇ، _ دېدى. ئۇ، پەيغەمبەرنىڭ يېنىدىن كېتىشىگىلا، دەرۋەقە بىر شىر ئۇنى ئۆلتۈردى. ئۇ پەيغەمبەر يەنە بىر كىشىنىڭ يېنىغا بېرىپ: _ مېنى ئۇرغىن! _ دېدى. ئۇ كىشى ئۇنى ئۇرۇپ يارىلاندۇردى. پەيغەمبەر ئۇ يەردىن كېتىپ، يۈز-كۆزىنى رەخت بىلەن تېڭىپ، باشقا ئادەم قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، يولنىڭ بويىدا ئاخاب پادىشاھنىڭ ئۆتۈشىنى كۈتۈپ تۇردى. پادىشاھ ئۆتكەندە، پەيغەمبەر ۋارقىراپ: _ مەن قۇللىرى جەڭ بولۇۋاتقان مەيدانغا بارسام، بىرسى مەن تەرەپكە بۇرۇلۇپ، ئەسىر ئالغان بىر ئادەمنى مېنىڭ قېشىمغا ئېلىپ كېلىپ: «بۇ ئادەمگە قاراپ تۇر، ئەگەر ئۇنى قاچۇرۇپ قويىدىغان بولساڭ، ئۇنىڭ جېنى ئورنىغا ئۆز جېنىڭنى بېرىسەن. بولمىسا ئوتتۇز بەش كىلو كۈمۈش تۆلەيسەن» دېگەنىدى. لېكىن مەن قۇللىرى باشقا ئىش بىلەن بولۇپ كېتىپتىمەن، ئۇ قېچىپ كېتىپتۇ، _ دېدى. _ سەن جازاغا تارتىلىشىڭ كېرەك. ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ قىلدىڭ، _ دېدى ئاخاب پادىشاھ. پەيغەمبەر دەرھال يۈز-كۆزىدىكى رەختنى ئېلىپ تاشلىغانىدى، پادىشاھ ئۇنىڭ پەيغەمبەرلەردىن ئىكەنلىكىنى تونۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر پادىشاھقا: _ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن يوقىتىشنى ئىرادە قىلغان ئادەمنى قولدىن چىقارغانلىقىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ جېنى ئورنىغا ئۆز جېنىڭنى بېرىسەن. ئادەملىرىڭمۇ ئۇلارنىڭ ئادەملىرى ئورنىغا جېنىنى بېرىدۇ»، _ دېدى. پادىشاھ خاپا بولۇپ، غەزەپلەنگەن ھالدا سامارىيەدىكى ئوردىسىغا قايتىپ كەلدى. بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن مۇنداق ئىش يۈز بەردى: نابوت ئىسىملىك يىزرىئەللىك بىر كىشى بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىر ئۈزۈمزارلىقى بار ئىدى. بۇ ئۈزۈمزارلىق يىزرىئەل شەھىرىدىكى سامارىيە پادىشاھى ئاخابنىڭ ئوردىسىنىڭ يېنىدا ئىدى. بىر كۈنى پادىشاھ ئاخاب ئۇنىڭغا: _ ئۈزۈمزارلىقىڭنى ماڭا بەرگىن! ئۇ ئوردامنىڭ يېنىدا ئىكەن. مەن بۇ يەرنى كۆكتاتلىق قىلماقچى. مەن ساڭا ئۇنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ ياخشى ئۈزۈمزارلىقنى بېرەي، ياكى خالىساڭ ئۇنىڭ باھاسىدا پۇل بېرەي، _ دېدى. بىراق نابوت ئاخابقا: _ ئاتا-بوۋىلىرىمدىن قالغان بۇ مىراسنى سىلىگە بېرىشىمدىن پەرۋەردىگار ئۆزى ساقلىسۇن، _ دېدى. ئاخاب ئوردىسىغا قايتىپ كېلىپ، نابوتنىڭ: «مەن ساڭا ئاتا-بوۋىلىرىمدىن قالغان مىراسنى بەرمەيمەن» دېگەن گېپىدىن خاپا بولۇپ، غەزەپلەنگەن ھالدا تەتۈر قاراپ يېتىۋالدى، تاماقمۇ يېمىدى. ئايالى ئىزەبەل ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: _ تاماقمۇ يېمىگۈدەك روھلىرى نېمىگە بۇنچە چۈشۈپ كەتتى؟ _ دېدى. ئۇ ئايالىغا: _ چۈنكى مەن يىزرىئەللىك نابوتقا: «ئۈزۈمزارلىقىڭنى ماڭا پۇلغا سېتىپ بەرگىن، ياكى خالىساڭ ساڭا ئۇنىڭ ئورنىغا يەنە بىر ئۈزۈمزارلىق بېرەي» دېسەم، ئۇ ماڭا «مەن ساڭا ئۈزۈمزارلىقىمنى بەرمەيمەن» دەيدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى. ئايالى ئىزەبەل ئۇنىڭغا: _ سىلى ھازىرمۇ ئىسرائىلىيەگە پادىشاھمۇ، ئەمەسمۇ؟ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، كۆڭۈللىرىنى خۇشال تۇتۇپ تاماق يېسىلە. نابوتنىڭ ئۈزۈمزارلىقىنى ئۆزلىرىگە مانا مەن ئېلىپ بېرىمەن! _ دېدى. شۇنداق قىلىپ ئىزەبەل ئاخابنىڭ نامىدا مەكتۇپلار يېزىپ، ئاخابنىڭ مۆھرىنى بېسىپ، ئۇلارنى نابوت بىلەن بىر شەھەردە تۇرۇشلۇق ئاقساقاللار ۋە ئېسىلزادىلەرگە ئەۋەتتى. ئۇ مەكتۇپلارغا مۇنۇلارنى يازدى: «بىر كۈن روزا تۇتۇشنى جاكارلاپ، نابوتنى خەلق ئارىسىدا تۆرگە ئولتۇرغۇزۇڭلار. ئىككى يارىماس ئادەمنى ئۇنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلغۇزۇڭلار. ئۇلار: ‹سەن خۇدا ۋە پادىشاھقا لەنەت ئېيتتىڭ› دېسۇن. ئاندىن نابوتنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈڭلار.» نابوت بىلەن بىر شەھەردە تۇرغۇچى ئاقساقاللار ۋە ئېسىلزادىلەر ئىزەبەلنىڭ مەكتۇپلىرىدە بۇيرۇغىنى بويىچە ئىش كۆردى. ئۇلار بىر كۈن روزا تۇتۇشنى جاكارلاپ، نابوتنى خەلق ئارىسىدا تۆرگە ئولتۇرغۇزدى. ئاندىن ئىككى يارىماس ئادەم كىرىپ، نابوتنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنى شىكايەت قىلىپ، خالايىق ئالدىدا: «نابوت خۇدا ۋە پادىشاھقا لەنەت ئېيتتى» دېدى. شۇنىڭ بىلەن جامائەت نابوتنى شەھەر سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى. ئاندىن ئۇلار ئىزەبەلگە: «نابوت چالما-كېسەك قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى» دېگەن خەۋەرنى يەتكۈزدى. ئىزەبەل نابوتنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىشى بىلەن ئاخابقا: _ نابوت ھايات ئەمەس، ئۆلدى. ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، نابوت سىلىگە پۇلغا سېتىپ بېرىشكە ئۇنىمىغان ئۈزۈمزارلىققا ئىگىدارلىق قىلسىلا، _ دېدى. ئاخاب نابوتنىڭ ئۆلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈزۈمزارلىقىغا ئىگىدارلىق قىلغىلى باردى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار تىشبىلىك ئىلياسقا مۇنداق دېدى: _ تۇر، سامارىيەدە ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈۋاتقان ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب بىلەن كۆرۈشكىلى بار. ئۇ ھازىر نابوتنىڭ ئۈزۈمزارلىقىغا ئىگىدارلىق قىلىش ئۈچۈن ئۇ يەرگە باردى. سەن ئۇنىڭغا مۇنداق دە: «پەرۋەردىگار دەيدۇ: ‹سەن بىر ئادەمگە قاتىللىق قىلىپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ يېرىنىمۇ تارتىۋالامسەن؟›». ئۇنىڭغا يەنە مۇنداق دە: «پەرۋەردىگار دەيدۇ: ‹ئىتلار نابوتنىڭ قېنىنى قەيەردە يالىغان بولسا، شۇ يەردە سېنىڭ قېنىڭنىمۇ يالايدۇ!›». ئاخاب ئىلياسقا: _ ئەي دۈشمىنىم، مېنى تېپىۋالدىڭمۇ؟ _ دېدى. ئىلياس جاۋابەن مۇنداق دېدى: _ سېنى تاپتىم، چۈنكى سەن يامانلىققا بېرىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدىڭ. شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۈستۈڭگە بالايىئاپەت ياغدۇرىمەن، سېنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، قېرى، ياش دېمەي، ئىسرائىللار ئىچىدە ساڭا تەۋە ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلىمەن. سېنىڭ جەمەتىڭنى نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ جەمەتىگە ۋە ئاخىيانىڭ ئوغلى باشانىڭ جەمەتىگە ئوخشاش قىلىمەن. چۈنكى سەن ئىسرائىللارنى گۇناھقا پاتۇرۇپ، غەزىپىمنى قوزغىدىڭ». پەرۋەردىگار يەنە ئىزەبەل ھەققىدە شۇنداق دەيدۇ: «ئىزەبەلنىڭ جەسىتىنى يىزرىئەل سېپىلى تۈۋىدە ئىتلار يەيدۇ». «ئەي ئاخاب، سېنىڭ جەمەتىڭدىن شەھەردە ئۆلگەنلىرىنى ئىتلار، دالىدا ئۆلگەنلىرىنى قاغا-قۇزغۇنلار يەيدۇ». (ھېچكىممۇ ئاخابقا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىشقا بېرىلگەن ئەمەس ئىدى. ئۇنى خوتۇنى ئىزەبەل ئازدۇرغانىدى. ئۇ خۇددى پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ كۆزى ئالدىدا يوقاتقان ئامورلاردەك بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ئىنتايىن يىرگىنچلىك ئىش قىلغانىدى.) ئاخاب ئىلياسنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، كىيىملىرىنى يىرتىپ تاشلاپ، ماتەملىك كىيىم كېيىپ، روزا تۇتتى. ئۇ ماتەملىك كىيىمدىلا ياتتى ۋە غەمكىن ھالدا يۈردى. پەرۋەردىگار تىشبىلىك ئىلياسقا مۇنداق دېدى: _ سەن ئاخابنىڭ مېنىڭ ئالدىمدا ئۆزىنى شۇنداق تۆۋەن تۇتقىنىنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇ ئالدىمدا ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقانلىقى ئۈچۈن، كېلىدىغان ئاپەتنى ئۇ ھايات ۋاقتىدا ياغدۇرمايمەن. ئۇنىڭ ئوغلى پادىشاھ بولغاندا، ئاپەتنى ئۇنىڭ جەمەتىگە ياغدۇرىمەن. ئىسرائىلىيە بىلەن ئاررام ئوتتۇرىسىدا ئۈچ يىلغىچە ئۇرۇش بولمىدى. لېكىن ئۈچىنچى يىلىغا كەلگەندە يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئۆز ئەمەلدارلىرىغا: _ گىلئادتىكى راموت شەھىرى بىزنىڭ ئەمەسمۇ؟! بىز نېمە ئۈچۈن ئۇنى ئاررام پادىشاھىدىن قايتۇرۇۋالماي قاراپ تۇرىمىز؟ _ دېدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاخاب يىھوشافاتتىن: _ سىلى راموتنى ئالغىلى جەڭ قىلىش ئۈچۈن مەن بىلەن بىللە باراملا؟ _ دەپ سورىدى. يىھوشافات: _ مەن سىلى بىلەن ئاتلىنىشقا تەييارمەن. ئادەملىرىمنى ئۆزلىرىنىڭ ئادەملىرى، ئاتلىرىمنى ئۆزلىرىنىڭ ئاتلىرى دەپ، بىلگەيلا. لېكىن سىلى بۇنى ئالدى بىلەن پەرۋەردىگاردىن سورىسىلا! _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئاخاب تەخمىنەن 400 پەيغەمبەرنى يىغىپ، ئۇلاردىن: _ مەن راموتقا ھۇجۇم قىلىشقا بارسام بولامدۇ-بولمامدۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ بارغايلا! ئىگىمىز راموتنى قوللىرىغا تاپشۇرىدۇ، _ دېدى ئۇلار. بىراق يىھوشافات: _ بۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن قالمىدىمۇ، ئەگەر قالسا، بىز بۇنى ئۇنىڭدىن سورايلى، _ دېدى. _ پەرۋەردىگاردىن سورىغىلى يەنە بىرەيلەن بار، _ دېدى ئاخاب، _ لېكىن مەن ئۇنىڭغا ئۆچ، چۈنكى ئۇ مەن ھەققىدە ۋەھىي يەتكۈزگەندە، ھەمىشە ياخشى گەپ ئەمەس، يامان گەپ قىلىدۇ. ئۇ يىملاھنىڭ ئوغلى مىكايادۇر. _ پادىشاھ تۇرۇپ، بۇنداق دېسىلا بولمايدۇ! _ دېدى يىھوشافات. شۇنىڭ بىلەن ئاخاب ئوردا ئەمەلدارلىرىدىن بىرەيلەننى چاقىرىپ، ئۇنى يىملاھنىڭ ئوغلى مىكايانى دەرھال ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇدى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب بىلەن يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات شاھانە تونىنى كىيىپ، سامارىيەنىڭ شەھەر دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدىكى خاماندا ھەرقايسىسى ئۆز تەختىدە ئولتۇرۇشاتتى. پۈتۈن پەيغەمبەرلەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋەھىيلەرنى يەتكۈزدى. پەيغەمبەرلەردىن بىرى كىنائاننىڭ ئوغلى زىدقىيا ئىدى. ئۇ تۆمۈردىن ياسالغان بىر جۈپ مۈڭگۈزنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئاخاب پادىشاھقا: _ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سەن بۇ مۈڭگۈزلەر بىلەن ئارراملارغا بۇقىدەك ئۈسسۈپ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىسەن»، _ دېدى. باشقا پەيغەمبەرلەرمۇ ئوخشاش سۆزنى قىلىپ: _ راموتقا ھۇجۇم قىلغايلا، سىلى غەلىبە قىلىدىلا. پەرۋەردىگار شەھەرنى قوللىرىغا تاپشۇرىدۇ، _ دېيىشتى. بۇ چاغدا مىكايانى چاقىرغىلى بارغان ئەمەلدار ئۇنىڭغا: _ قاراڭ، ھەممە پەيغەمبەرلەر پادىشاھقا بىر ئېغىزدىن ياخشىلىقتىن بېشارەت بېرىشتى. سىزمۇ ئۇلارغا ئوخشاش ياخشىلىقتىن بېشارەت بەرگەيسىز، _ دېدى. لېكىن مىكايا: _ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، پەرۋەردىگار ماڭا نېمە دېسە مەن شۇنى دەيمەن، _ دېدى. مىكايا ئاخاب پادىشاھنىڭ ئالدىغا بارغاندا، پادىشاھ ئۇنىڭدىن: _ مىكايا، بىز راموتقا ھۇجۇم قىلىشقا بارساق بولامدۇ-بولمامدۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ ھۇجۇم قىلىشقايلا، غەلىبە قىلىشىدىلا. پەرۋەردىگار شەھەرنى قوللىرىغا تاپشۇرىدۇ، _ دەپلا قويدى ئۇ. لېكىن پادىشاھ: _ مەن سېنى، پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن گەپ قىلغىنىڭدا راستچىل بول، دەپ قانچە قېتىم قەسەم قىلدۇرىمەن؟ _ دېدى. مىكايا: _ مەن ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرىنىڭ خۇددى ئىگىسىز قالغان قوي پادىسىدەك تاغقا تارقىلىپ كەتكەن كۆرۈنۈشنى كۆردۈم. پەرۋەردىگار مۇنداق دېگەن: «بۇ كىشىلەرنىڭ يېتەكچىسى يوق، ئۇلار ئۆز يۇرتىغا تىنچ-ئامان قايتسۇن!» _ دېدى. ئاخاب يىھوشافاتقا: _ مەن ئۆزلىرىگە بۇ ئادەم مەن ھەققىدە ۋەھىي يەتكۈزگەندە، ياخشى گەپ قىلماي، ھامان يامان گەپ قىلىدۇ، دېمىگەنمىدىم؟ _ دېدى. مىكايا يەنە مۇنداق دېدى: _ شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغايلا! مەن پەرۋەردىگارنىڭ تەختىدە ئولتۇرغىنىنى كۆردۈم. پۈتكۈل ساماۋى جامائەت ئۇنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە تۇراتتى. پەرۋەردىگار: «ئاخابنىڭ جەڭدە ئۆلۈشى ئۈچۈن ئۇنى راموتقا بېرىشقا كىم ئازدۇرىدۇ؟» دەپ سورىدى. بەزىلەر بۇنداق دېسە، بەزىلەر ئۇنداق دېدى. كېيىن بىر روھ چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، «مەن ئازدۇرىمەن» دېدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن «قانداق ئازدۇرىسەن؟» دەپ سورىدى. ھېلىقى روھ «مەن ئاخابنىڭ پۈتۈن پەيغەمبەرلىرىنى يالغان ئېيتقۇزىمەن» دېدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا «بارغىن، ئۇنى ئازدۇرساڭ، چوقۇم ئازدۇرالايسەن» دېدى. مىكايا ئەڭ ئاخىرىدا: _ ئىشنىڭ جەريانى مانا شۇنداق، پەرۋەردىگار سىلىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزلىرىگە يالغان ئېيتقۇزدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ سىلىگە بالايىئاپەت ياغدۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى! _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن كىنائاننىڭ ئوغلى زىدقىيا مىكايانىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنى بىر كاچات ئۇرۇپ، ئۇنىڭدىن: _ پەرۋەردىگارنىڭ روھى قانداقلارچە مەندىن ئايرىلىپ، ساڭا سۆز قىلىدۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ بىر كۈنى سەن بىر ئۆينىڭ ئەڭ ئىچكىرىسىدىكى خانىسىغا يوشۇرۇنۇشقا مەجبۇر بولىسەن، شۇ كۈنى بىلىسەن، _ دەپ جاۋاب بەردى مىكايا. شۇنىڭ بىلەن ئاخاب ئەمەلدارغا مىكايانى تۇتۇپ، شەھەر ھاكىمى ئامون بىلەن شاھزادە يوئاشنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشنى بۇيرۇپ، ئەمەلدارغا: _ ئۇلارغا: «پادىشاھ مۇنداق پەرمان قىلىدۇكى، ماۋۇنى زىندانغا تاشلاپ، مەن ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلگۈچە، ئۇنىڭغا جېنىنى ساقلىغۇدەكلا نان بىلەن سۇ بېرىڭلار» دېگىن، _ دەپ بۇيرۇدى. _ ئەگەر ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلسىلە، بۇ پەرۋەردىگارنىڭ مەن ئارقىلىق سۆزىنى يەتكۈزمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، _ دېدى مىكايا، _ ھەربىرلىرى سۆزۈمنى ئەسلىرىدە تۇتۇشقايلا. ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب بىلەن يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات گىلئادتىكى راموت شەھىرىگە قارشى جەڭگە ئاتلاندى. ئاخاب يىھوشافاتقا: _ بىز جەڭگاھقا چىققاندا، مەن قىياپىتىمنى ئۆزگەرتىۋالاي، سىلى شاھانە تونلىرىنى كىيىۋەرسىلە، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ ئاخاب قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ جەڭگە كىردى. ئاررام پادىشاھى 32 نەپەر ھارۋىلىق لەشكەر باشلىقلىرىغا: «سىلەر ئىسرائىلىيەنىڭ چوڭ-كىچىك لەشكەرلىرى بىلەن جەڭ قىلىپ يۈرمەي، ھۇجۇمنىڭ ئۇچىنى ئىسرائىلىيە پادىشاھىغا قارىتىڭلار» دەپ بۇيرۇغانىدى. شۇڭا ئۇلار يىھوشافاتنى كۆرگەندە، ئۇنى جەزمەن ئىسرائىلىيە پادىشاھى دەپ ئويلاپ، ھەممىسى بۇرۇلۇپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىشتى. يىھوشافات قورقۇپ ۋارقىرىۋەتتى. شۇندىلا ئۇلار ئۇنىڭ ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئەمەسلىكىنى بىلىپ، ئۇنى قوغلىماي كېتىپ قېلىشتى. بىراق، بىر ئاررام لەشكىرى تاسادىپىي بىر ئوق ئېتىۋىدى، ئۇ ئوق دەل ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخابنىڭ قاسراقسىمان ساۋۇتى ياپالمىغان يېرىگە تەگدى. ئاخاب جەڭ ھارۋىسىنى ھەيدىگۈچىسىگە ۋارقىراپ: _ مەن يارىلاندىم، كەينىڭگە قايتىپ، جەڭدىن چېكىن! _ دېدى. ئۇ كۈنى جەڭ شىددەتلىك بولغاچقا، پادىشاھ بىرەيلەننىڭ يۆلىشى بىلەن ھارۋىسىدا قېلىپ، ئارراملارغا يۈزلىنىپ ئولتۇردى. يارىسىدىن ئاققان قان ھارۋىنىڭ تېگىگە ئېقىپ چۈشتى. ئۇ كەچ بولاي دېگەندە جان ئۈزدى. كۈن پاتقاندا ئىسرائىلىيە قوشۇنى ئارىسىدىن: «ھەممە ئادەم ئۆز ماكانىغا، ئۆز يۇرتىغا قايتسۇن!» دېگەن چاقىرىق ئاڭلاندى. شۇنداق قىلىپ ئاخاب پادىشاھ ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ جەسىتى سامارىيەگە ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇ يەردە دەپنە قىلىندى. ئۇلار ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىسىنى سامارىيەدىكى پاھىشىلەر سۇغا چۈشىدىغان كۆلچەكتە يۇيۇپ تازىلاۋاتقاندا، خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك، ئىتلار كېلىپ ئۇنىڭ قېنىنى يالىدى. ئاخاب پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ئىزلىرى ۋە بارلىق پائالىيەتلىرى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ پىل چىشىدىن بېزىگەن ئوردىسى ۋە كېڭەيتىپ قۇرغان نۇرغۇن شەھەرلىرى ھەققىدىكى خاتىرىلەر «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەن. ئاخاب ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىغا كەتتى. ئۇنىڭ ئوغلى ئاخازيا ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخابنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ تۆتىنچى يىلى ئاسانىڭ ئوغلى يىھوشافات يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 35 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 25 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى شىلخىنىڭ قىزى ئازۇبا ئىدى. ئۇ پۈتۈنلەي ئاتىسى ئاسا ماڭغان يولدا مېڭىپ، ھېچ ياققا ئېغىشماي، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. بىراق سەجدىگاھلار يوقىتىۋېتىلمىدى. خالايىق يەنىلا ئۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلىش ۋە ئىسرىق سېلىشنى داۋاملاشتۇردى. يىھوشافات ئىسرائىلىيە پادىشاھى بىلەن تىنچ ئۆتتى. يىھوشافات پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ئىزلىرى، جۈملىدىن ئۇنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە قىلغان ئۇرۇشلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەن. ئۇ سەجدىگاھلاردىكى ئاتىسى ئاسانىڭ زامانىدىن قېلىپ قالغان ئەر-ئايال پاھىشىلەرنى زېمىنىدىن يوقاتتى. ئۇ چاغلاردا ئىدومدا پادىشاھ يوق ئىدى. يەھۇدىيە پادىشاھى ئۇ يەرنى ئىدارە قىلىشقا بىر ۋالىي تەيىنلىدى. يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات ئوفىر زېمىنىدىن ئالتۇن ئەكېلىش ئۈچۈن ئۇزۇن يوللۇق كاتتا كېمىلەرنى ياساتتى، لېكىن كېمىلەر ئەزيون-گەبەردىن چىقماي تۇرۇپلا پارچىلىنىپ كەتكەنلىكتىن ئۇ يەرگە بارالمىدى. بىر مەزگىلدىن كېيىن ئاخابنىڭ ئوغلى ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخازيا ئۆز ئادەملىرىنى يىھوشافات پادىشاھنىڭ ئادەملىرى بىلەن بىللە كېمىدە بېرىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەنىدى، بىراق يىھوشافات قوشۇلمىدى. يىھوشافات ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېشىغا كەتتى. ئۇ ئۇلارنىڭ يېنىغا، يەنى ئەجدادى داۋۇتنىڭ نامىدا ئاتالغان «داۋۇت شەھىرى»گە دەپنە قىلىندى. ئوغلى يىھورام ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى. يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافاتنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 17-يىلى ئاخابنىڭ ئوغلى ئاخازيا ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ سامارىيەدە ئىككى يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئاتىسى ئاخاب ۋە ئانىسى ئىزەبەلنىڭ ئىزىنى بېسىپ، ئىسرائىللارنى گۇناھكار قىلغان نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ يولىدا ماڭدى. ئۇ پۈتۈنلەي ئاتىسىغا ئوخشاش بائالغا چوقۇنۇپ ۋە خىزمەت قىلىپ، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب ئۆلگەندىن كېيىن، موئابلار ئىسرائىلىيەدىن يۈز ئۆرۈدى. بىر كۈنى ئاخازيا پادىشاھ سامارىيە شەھىرىدە، ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ھۇجرىسىنىڭ پەنجىرىسىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ يارىلاندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ: «ئەقرون شەھىرىدىكى ئىلاھ بائال-زىبۇبتىن بۇ ئاغرىقتىن ساقىيالايدىغان ياكى ساقىيالمايدىغانلىقىمنى سوراپ كېلىڭلار» دەپ ئەلچى ئەۋەتتى. لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى، تىشبىلىك ئىلياسقا مۇنداق دېدى: _ پادىشاھنىڭ سامارىيەدىن كېلىدىغان ئەلچىلىرىنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلان. ئۇلارغا: «سىلەر ئىسرائىلىيەدە خۇدا يوق دەپ، ئەقروننىڭ ئىلاھى بائال-زىبۇبتىن بېشارەت سوراشقا بارماقچىمۇسىلەر؟ شۇڭا پەرۋەردىگار پادىشاھىڭلارغا: ‹مۇشۇ قىلغىنىڭ ئۈچۈن ياتقان كارىۋىتىڭدىن چۈشمەي، چوقۇم ئۆلىسەن!› دەيدۇ» دېگىن. شۇنىڭ بىلەن ئىلياس پەرىشتىنىڭ ئېيتقىنىدەك قىلدى. ئەلچىلەر قايتىپ كېلىپ، پادىشاھ بىلەن كۆرۈشتى. پادىشاھ ئۇلاردىن: _ سىلەر نېمىشقا شۇنچە تېز قايتىپ كەلدىڭلار؟ _ دەپ سورىدى. ئۇلار: _ يولدا بىز بىر ئادەم بىلەن كۆرۈشۈپ قالدۇق، ئۇ بىزگە: «سىلەرنى ئەۋەتكەن پادىشاھقا بېرىپ ئېيتىڭلار: ‹پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: سەن ئىسرائىلىيەدە خۇدا يوق دەپ، ئەقروننىڭ ئىلاھى بائال-زىبۇبتىن بېشارەت سوراشقا ئەلچى ئەۋەتتىڭمۇ؟ سەن مۇشۇ قىلغىنىڭ ئۈچۈن كارىۋىتىڭدىن چۈشمەي، چوقۇم ئۆلىسەن!›» دېدى، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى. پادىشاھ ئۇلاردىن: _ سىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ گەپلەرنى قىلغان قانداق ئادەم ئىكەن؟ _ دەپ سورىدى. ئۇلار پادىشاھقا: _ يۇڭلۇق تون كىيگەن، بېلىنى تاسما بىلەن باغلىۋالغان ئادەم ئىكەن _ دېدى. پادىشاھ: _ ئۇ تىشبىلىك ئىلياس، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئەللىكبېشىنى 50 ئادەم بىلەن ئىلياسنىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى. ئەللىكبېشى بېرىپ، بىر تۆپىلىكتە ئولتۇرغان ئىلياسقا: _ ئى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى، پادىشاھ سىزنى: «پەسكە چۈشسۇن» دەيدۇ، _ دېدى. ئىلياس ئەللىكبېشىغا: _ ئەگەر مەن راستتىنلا خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى بولسام، ئاسماندىن ئوت چۈشۈپ، سېنى 50 ئادىمىڭ بىلەن قوشۇپ كۆيدۈرۈۋەتسۇن، _ دەپ جاۋاب بەردى. دېگەندەك ئاسماندىن ئوت چۈشۈپ، ئەللىكبېشى بىلەن ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى 50 ئادەمنى كۆيدۈرۈۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئىككىنچى قېتىم يەنە بىر ئەللىكبېشىنى 50 ئادەم بىلەن ئىلياسنىڭ قېشىغا ئەۋەتتى. ئەللىكبېشى ئىلياسقا: _ ئى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى، پادىشاھ سىزنى: «تېز پەسكە چۈشسۇن» دەيدۇ، _ دېدى. ئىلياس ئۇلارغا: _ ئەگەر مەن خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى بولسام، ئاسماندىن ئوت چۈشۈپ، سېنى 50 ئادىمىڭ بىلەن قوشۇپ كۆيدۈرۈۋەتسۇن، _ دەپ جاۋاب بەردى. بۇ قېتىممۇ ئاسماندىن خۇدانىڭ ئوتى چۈشۈپ، ئەللىكبېشى بىلەن ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى 50 ئادەمنى كۆيدۈرۈۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۈچىنچى قېتىم يەنە بىر ئەللىكبېشىنى 50 ئادەم بىلەن ئەۋەتتى. ئۈچىنچى ئەللىكبېشى ئىلياسنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ، ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ: _ ئى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى، كەمىنىلىرىنىڭ جېنى بىلەن ماۋۇ 50 قۇللىرىنىڭ جېنى ئۆزلىرىنىڭ نەزىرىدە ئەزىزلەنگەي. ئالدىنقى ئىككى قېتىم ئاسماندىن ئوت چۈشۈپ، ئىككى ئەللىكبېشى بىلەن ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈۋەتتى. ئەمدى مېنىڭ جېنىم ئۆزلىرىنىڭ نەزىرىدە ئەزىزلەنگەي، _ دېدى. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىلياسقا: _ ئۇنىڭ بىلەن چۈشكىن، ئۇنىڭدىن قورقمىغىن، _ دېدى. ئىلياس ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە پادىشاھنىڭ قېشىغا قاراپ ماڭدى. ئىلياس پادىشاھقا: _ پەرۋەردىگار ئۆزلىرىگە مۇنداق دەيدۇ: «ئەقروننىڭ ئىلاھى بائال-زىبۇبتىن بېشارەت سوراپ كېلىشكە ئەلچىلەرنى ئەۋەتىشىڭ ئىسرائىلىيەدە خۇدا يوق دەپ، ئويلىغانلىقىڭ ئۈچۈنمۇ؟ شۇڭا سېنىڭ مۇشۇ قىلغىنىڭ ئۈچۈن كارىۋىتىڭدىن چۈشمەي چوقۇم ئۆلىسەن!» _ دېدى. دەرۋەقە ئاخازيا پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئىلياس ئارقىلىق ئېيتقىنىدەك ئۆلدى. ئۇنىڭ ئوغلى بولمىغاچقا، ئىنىسى يورام ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلدى. بۇ يىھوشافاتنىڭ ئوغلى _ يەھۇدىيە پادىشاھى يىھورامنىڭ ئىككىنچى يىلى ئىدى. ئاخازيا پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ھەرىكەتلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. پەرۋەردىگار ئىلياسنى قۇيۇن بىلەن ئەرشكە ئېلىپ چىقىپ كېتىدىغانغا ئاز قالغاندا، ئىلياس بىلەن ئېلىشا ئىككىسى گىلگالدىن يولغا چىققانىدى. ئىلياس ئېلىشاغا: _ پەرۋەردىگار مېنى بەيتەلگە ئەۋەتمەكچى، سەن مۇشۇ يەردە قالغىن، _ دېدى. لېكىن ئېلىشا: _ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئالدىلىرىدا قەسەم قىلىمەنكى، مەن سىلىدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن بەيتەلگە ماڭدى. بەيتەلدىكى پەيغەمبەرلەر جامائىتى چىقىپ، ئېلىشاغا: _ پەرۋەردىگار بۈگۈن ئۇستازىڭىزنى سىزدىن ئېلىپ كېتىدىكەن، بۇنى بىلەمسىز؟ _ دەپ سورىدى. _ بۇنى مەنمۇ بىلىمەن، تىنچ تۇرۇڭلار، _ دېدى ئېلىشا. ئىلياس ئېلىشاغا: _ پەرۋەردىگار مېنى ئېرىخاغا ئەۋەتمەكچى، سەن مۇشۇ يەردە قالغىن، _ دېدى. لېكىن ئېلىشا: _ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئالدىلىرىدا قەسەم قىلىمەنكى، مەن سىلىدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ ئىككىيلەن ئېرىخاغا كەلدى. ئېرىخادىكى پەيغەمبەرلەر جامائىتى ئېلىشانىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگار بۈگۈن ئۇستازىڭىزنى سىزدىن ئېلىپ كېتىدىكەن، بۇنى بىلەمسىز؟ _ دەپ سورىدى. _ بۇنى مەنمۇ بىلىمەن، تىنچ تۇرۇڭلار، _ دېدى ئۇ. ئىلياس ئېلىشاغا: _ پەرۋەردىگار مېنى ئىئوردان دەرياسىغا ئەۋەتمەكچى، سەن مۇشۇ يەردە قالغىن، _ دېدى. ئېلىشا: _ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئالدىلىرىدا قەسەم قىلىمەنكى، مەن سىلىدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن يولغا چىقىشتى. پەيغەمبەرلەر جامائىتىدىن 50 ئادەم ئۇلارغا ئەگىشىپ ماڭدى. ئۇ ئىككىيلەن ئىئوردان دەرياسى بويىدا توختىدى. پەيغەمبەرلەر جامائىتى ئۇلاردىن نېرىراق يەردە تۇرۇشتى. ئىلياس ئۆزىنىڭ تونىنى تولغاپ، سۇنى ئۇرۇۋىدى، سۇ ئىككىگە بۆلۈندى. ئىككىيلەن قۇرۇق يەر بىلەن مېڭىپ ئۆتتى. ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، ئىلياس ئېلىشاغا: _ مەن سېنىڭ قېشىڭدىن ئېلىپ كېتىلىشتىن بۇرۇن مەندىن سورىغىن، سەن ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بېرەي؟ _ دېدى. ئېلىشا ئۇنىڭغا: _ ئۆزلىرىنىڭ روھلىرىنىڭ ئىككى ئۈلۈشى ماڭا نېسىپ بولغان بولسا، _ دېدى. ئىلياس: _ تىلىگىنىڭ قىيىن بىر ئىش. شۇنداقتىمۇ مەن سەندىن ئايرىلىپ كېتىدىغان چاغدا مېنى كۆرەلىسەڭ، تىلىگىنىڭ ساڭا نېسىپ بولىدۇ؛ كۆرەلمىسەڭ، نېسىپ بولمايدۇ، _ دېدى. ئۇلار پاراڭلىشىپ كېتىۋاتاتتى، بىردىنلا يالقۇنلاپ تۇرغان ئات-ھارۋىلار پەيدا بولۇپ، ئىككىيلەننى ئايرىۋەتتى. ئىلياس قۇيۇن بىلەن ئەرشكە ئېلىپ چىقىپ كېتىلدى. ئېلىشا بۇنى كۆرۈپ: _ ئاتا، ئاتا! ئۆزلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ جەڭ ھارۋىسى ۋە ھارۋىلىق جەڭچىسى ئىدىلەغۇ! _ دەپ توۋلىدى ۋە ئۇنى قايتا كۆرەلمىدى. ئاندىن ئېلىشا ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى يىرتىپ، ئىككى پارچە قىلدى. ئېلىشا ئىلياسنىڭ ئۈستىدىن چۈشكەن توننى ئالدى ۋە قايتىپ بېرىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدا تۇردى. ئۇ ئىلياسنىڭ ئۈستىدىن چۈشكەن تون بىلەن سۇنى ئۇرۇپ: _ ئى پەرۋەردىگار، ئىلياس ئېتىقاد قىلغان خۇدا، سەن قەيەردە؟ _ دەپ نىدا قىلدى. ئۇ سۇنى ئۇرۇشى بىلەن سۇ ئىككىگە بۆلۈندى. ئېلىشا دەريادىن ئۆتتى. بۇ ئىشنى نېرىراقتىن كۆرۈپ تۇرغان ئېرىخادىن كەلگەن پەيغەمبەرلەر جامائىتى: _ ئىلياسنىڭ روھى ئېلىشانىڭ ئۈستىگە چۈشۈپتۇ! _ دېيىشكىنىچە بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتى، باشلىرىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلىشتى. ئۇلار ئۇنىڭغا: _ بۇ يەردە خىزمەتكارلىرىدىن 50 پالۋان تۇرۇپتۇ. ئۇلارنىڭ ئۇستازلىرىنى ئىزدىشىگە رۇخسەت قىلغايلا. پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇ زاتنى كۆتۈرۈپ بىرەر تاغ، ياكى بىرەر جىلغىغا چۈشۈرۈپ قويدىمىكىن، _ دېدى. ئېلىشا: _ ياق، ئادەم ئەۋەتىپ يۈرمەڭلار، _ دېدى. ئەمما ئۇلار ئۇنى تولا قىستىغانلىقىدىن ئۇ خىجالەت بولۇپ: _ بوپتۇ، ئەۋەتىڭلار! _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار 50 ئادەم ئەۋەتىپ، ئۈچ كۈن ئىزدەتكۈزگەن بولسىمۇ، ئىلياسنى تاپالمىدى. ئاخىر ئۇلار ئېرىخادىكى ئېلىشانىڭ يېنىغا قايتتى. ئۇ ئۇلارغا: _ مەن سىلەرگە: «بارماڭلار» دېمىگەنمىدىم؟ _ دېدى. ئېرىخا شەھىرىدىكى كىشىلەر ئېلىشاغا: _ ئەي ئۇستاز، مانا كۆرۈپ تۇرۇپتىلا، بۇ شەھەر ئوبدان يەرگە جايلاشقان، شۇغىنىسى سۈيى ناچار، تۇپرىقى قاقاستۇر، _ دېيىشتى. ئېلىشا ئۇلارغا: _ سىلەر بىر يېڭى قاچىغا تۇز سېلىپ ئېلىپ كېلىڭلار، _ دېدى. ئۇلار ئېلىپ كېلىشتى. ئۇ بۇلاق بېشىغا بېرىپ، تۇزنى سۇغا تۆكۈپ: _ پەرۋەردىگار: «مەن بۇ سۇنى تازا قىلدىم. بۇ سۇ ئەمدى جانغا ھەرگىز زامىن بولمايدۇ، ھەم تۇپراقنى ھوسۇلسىز قالدۇرمايدۇ» دەيدۇ، _ دېدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ سۇ تازىلىنىپ، تاكى ھازىرغىچە ئېلىشا ئېيتقاندەك بولۇپ كەلمەكتە. ئېلىشا ئېرىخادىن بەيتەلگە ماڭدى. بەيتەلدىن چىقىپ كېلىۋاتقان بالىلار ئۇنى «كېتە تاز! كەت تاز!» دەپ زاڭلىق قىلىشتى. ئۇ ئارقىسىغا قاراپ، پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۇلارغا لەنەت ئوقۇدى. شۇ چاغدا ئىككى چىشى ئېيىق جاڭگالدىن چىقىپ، ئۇ بالىلاردىن 42نى تىتىپ تاشلىدى. ئېلىشا ئۇ يەردىن چىقىپ، كارمەل تېغىغا باردى. ئاندىن كارمەل تېغىدىن سامارىيەگە قايتىپ كەتتى. يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافاتنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 18-يىلى ئاخابنىڭ ئوغلى يورام سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ 12 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. يورام پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن يامانلىقتا ئاتىسى بىلەن ئانىسىدىن ئېشىپ چۈشمىدى. ئۇ ئاتىسى ياسىغان بائال تاش ئابىدىسىنى كۆزدىن يوقاتتى. لېكىن ئۇ نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ بۇتپەرەسلىكى ۋە ئۇنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىگەن گۇناھىغا چىڭ چاپلىشىپ، ئۇنى داۋاملاشتۇردى. موئاب پادىشاھى مېشا قويچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، ئۇ ھەر يىلى يۈز مىڭ پاقلان ۋە يۈز مىڭ قوچقارنىڭ يۇڭىنى ئىسرائىلىيە پادىشاھىغا ئولپان قىلىپ تاپشۇراتتى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب ئۆلگەندىن كېيىن، موئاب پادىشاھى مېشا پادىشاھ يورامدىن يۈز ئۆرۈدى. شۇ چاغدا پادىشاھ يورام سامارىيەدىن چىقىپ، پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقىنى جەم قىلدى. ئۇ يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات بىلەن كۆرۈشۈشكە ئادەم ئەۋەتىپ، مۇنۇ سۆزنى يەتكۈزدى: «موئاب پادىشاھى مەندىن يۈز ئۆرۈدى. سىلى مەن بىلەن بىرلىكتە موئابقا قارشى جەڭ قىلغىلى چىقاملا؟». پادىشاھ يىھوشافات ماقۇللۇقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «سىلى بىلەن ئاتلىنىشقا تەييارمەن. ئادەملىرىمنى ئۆزلىرىنىڭ ئادەملىرى، ئاتلىرىمنى ئۆزلىرىنىڭ ئاتلىرى، دەپ بىلگەيلا. ئەمىسە بىز قايسى يولدىن ئاتلىنىپ چىقايلى؟». «ئىدوم چۆلىنىڭ يولى بىلەن چىقايلى» دەپ جاۋاب ئەۋەتتى يورام. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيە پادىشاھى يەھۇدىيە ۋە ئىدوم پادىشاھلىرى بىلەن بىللە يولغا چىقتى. لېكىن ئۇلار يەتتە كۈن يۈرۈش قىلغاندىن كېيىن، قوشۇنى ۋە ئات-ئۇلاغلىرى ئىچىدىغان سۇ قالمىدى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورام: _ ھەي ئىسىت! پەرۋەردىگار بىز ئۈچ پادىشاھنى موئابنىڭ قولىغا چۈشسۇن دەپ يىغقانىكەن-دە، _ دېدى. لېكىن يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات: _ بۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبىرى يوقمۇ؟ بىز ئۇ ئارقىلىق پەرۋەردىگاردىن بېشارەت سوراپ باقايلى، _ دېدى. ئىسرائىلىيە پادىشاھىنىڭ بىر خىزمەتكارى جاۋاب بېرىپ: _ شافاتنىڭ ئوغلى ئېلىشا مۇشۇ يەردە. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا ئىلياس پەيغەمبەرنىڭ خىزمەتكارى ئىدى، _ دېدى. پادىشاھ يىھوشافات: _ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئۇ بىزگە يەتكۈزەلەيدۇ، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيە، يەھۇدىيە ۋە ئىدوم پادىشاھلىرى ئۇنىڭ يېنىغا كۆرۈشكىلى باردى. ئېلىشا ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورامغا: مەندە نېمە ئىشىڭىز بار؟ بېرىپ، ئاتىڭىزنىڭ پەيغەمبەرلىرى بىلەن ئانىڭىزنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن سوراڭ! _ دېدى. لېكىن ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورام ئۇنىڭغا: _ ياق، پەرۋەردىگار بىز ئۈچ پادىشاھنى موئابنىڭ قولىغا چۈشۈرمەك ئۈچۈن يىغقاندۇر، _ دېدى. _ مەن خىزمىتىنى قىلىدىغان، ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافاتنىڭ يۈزىنى قىلمىغان بولسام، سىزگە قاراپمۇ قويمىغان بولاتتىم. بوپتۇ، ئەمدى سىلەر مېنىڭ يېنىمغا بىر سازەندە باشلاپ كېلىڭلار، _ دېدى ئېلىشا. سازەندە ساز چېلىۋاتقىنىدا، پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئېلىشاغا چۈشتى. ئۇ ئۇلارغا: _ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ جىلغىنىڭ ھەممە يېرىگە خەندەك ياساڭلار، چۈنكى سىلەر نە شامال، نە يامغۇرنى كۆرەلمىسەڭلارمۇ، لېكىن بۇ جىلغا ئۆزۈڭلار، مال-چارۋىلىرىڭلار ۋە ھايۋانلارغا يەتكۈدەك سۇغا تولىدۇ». پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە بۇ دېگەن كىچىككىنە بىر ئىش، ئۇ موئابلارنىمۇ سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بېرىدۇ. سىلەر بارلىق مۇستەھكەم ۋە ئاۋات شەھەر-قەلئەلەرنى ئالىسىلەر، ياخشى دەرەخلەرنىڭ ھەممىسىنى كېسىپ، بۇلاقلارنىڭ ھەممىسىنى تىندۇرۇۋېتىسىلەر؛ بارلىق مۇنبەت ئېتىزلارنى تاشلار بىلەن خاراب قىلىۋېتىسىلەر، _ دېدى. ئەتىسى سەھەردە قۇربانلىق تەقدىم قىلىش ۋاقتىدا سۇ ئىدوم تەرەپتىن كېلىپ، پۈتۈن زېمىننى تولدۇردى. موئاب خەلقى پادىشاھلارنىڭ ئۆزلىرىگە قارشى جەڭ قىلغىلى كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ياراغ كۆتۈرەلەيدىغانلىكى چوڭ-كىچىك ئادەملەرنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ، چېگرادا تۇرۇشتى. موئابلار ئەتىسى سەھەردە ئورنىدىن تۇرغاندا، سۇ كۈن نۇرىدا چاقناپ تۇراتتى. ئۇلارغا ئالدىدىكى سۇ يىراقتىن خۇددى قىپقىزىل قاندەك بولۇپ كۆرۈندى. _ بۇ قانغۇ، ئۈچ پادىشاھ ئۆزئارا سوقۇشۇپ، بىر-بىرىنى قىرىشقان ئوخشايدۇ. ئى موئابلار! ئەمدى بىز ئولجا ئالغىلى چىقايلى! _ دېيىشتى ئۇلار. لېكىن موئابلار ئىسرائىللارنىڭ بارگاھى ئالدىغا كەلگەندە، ئىسرائىللار ئۇلارغا شۇنداق قاتتىق زەربە بەردىكى، ئۇلار ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن قاچتى. ئىسرائىللار موئابلارنى قوغلاپ، سۈر-توقاي قىلىشتى. ئۇلار شەھەرلەرنى ۋەيران قىلىپ، مۇنبەت ئېتىزلارنى تاش بىلەن توشقۇزۇۋەتتى. ئۇلار بۇلاقلارنىڭ ھەممىسىنى تىندۇرۇپ، بارلىق ياخشى دەرەخلەرنى كېسىپ تاشلاپ، قىرخەرەس شەھىرىنىڭ تاش سېپىلىدىن باشقا ھېچنېمە ساق قالمىدى. سالغا ئاتقۇچىلار سېپىلنى قورشاپ تۇرۇپ، ھۇجۇم قىلىشتى. موئاب پادىشاھى جەڭنىڭ ئۆزىگە تولىمۇ زىيانلىق بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، 700 قىلىچلىق ئەسكىرىنى باشلاپ، ئىدوم پادىشاھىغا ھۇجۇم قىلىپ، بۆسۈپ ئۆتمەكچى بولدى، لېكىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولىدىغان چوڭ ئوغلىنى سېپىلنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى. بۇنى كۆرگەن ئىسرائىللارنىڭ غەزىپى قايناپ-تېشىپ، ئۇنى تاشلاپ، ئۆز زېمىنىغا چېكىنىپ كېتىشتى. پەيغەمبەرلەر جامائىتىدىكى بىر كىشىنىڭ ئايالى ئېلىشانىڭ ئالدىغا كېلىپ: _ تەقسىر، ئېرىم ئۆلۈپ كەتتى. سىلىگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇ پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغان ئادەم ئىدى. ئەمدىلىكتە، ئۇنىڭغا قەرز بەرگۈچى، ئىككى ئوغلۇمنى قۇل قىلىپ، ئېلىپ كەتكىلى كەپتۇ، _ دېدى. ئېلىشا ئۇنىڭغا: _ مەن سىزگە نېمە ئىش قىلىپ بېرەي؟ ئېيتىڭە، ئۆيىڭىزدە نېمىڭىز بار؟ _ دېدى. _ مەن ئاجىزەلىرىنىڭ ئۆيىدە بىر كوزا زەيتۇن يېغىدىن باشقا ھېچنېمە يوق، _ دېدى ئۇ. _ سىز چىقىپ، قولۇم-قوشنىلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىدىن قۇرۇق كوزا ئۆتنە ئېلىپ كېلىڭ، كۆپرەك بولسۇن. ئاندىن ئوغۇللىرىڭىز بىلەن ئۆيىڭىزگە كىرىپ، ئىشىكنى ئېتىۋېلىڭ-دە، كوزىلارغا يېغىڭىزدىن قۇيۇڭ، لىق تولغان كوزىلارنى بىر چەتكە قويۇڭ، _ دېدى ئېلىشا. ئۇ ئايال ئېلىشانىڭ يېنىدىن ئايرىلىپ، ئوغۇللىرى بىلەن ئۆيگە كىرىپ، ئىشىكنى ئەتتى. بالىلىرى قۇرۇق كوزىلارنى ئاپىسىغا سۇنۇپ تۇردى، ئاپىسى ياغ قۇيدى. كوزىلار توشقاندا، ئۇ ئوغلىغا: _ يەنە بىر كوزا سۇنۇپ بەر، _ دېدى. ئوغلى ئۇنىڭغا: _ ئەمدى كوزا قالمىدى، _ دېدى. ياغ ئېقىشتىن توختىدى. ئايال چىقىپ، بۇنى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشاغا خەۋەر قىلدى. ئېلىشا ئۇنىڭغا: _ ياغلارنى سېتىپ، قەرزىڭىزنى تۆلەڭ. ئاشقان ياغ بىلەن تىرىكچىلىك قىلىڭلار، _ دېدى. بىر كۈنى ئېلىشا شۇنېم شەھىرىگە باردى. ئۇ يەردە بىر باي ئايال بار بولۇپ، ئۇ ئېلىشانى غىزالىنىشقا زورلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ھەر قېتىم ئۇ يەردىن ئۆتكىنىدە شۇ يەردە غىزالىنىپ ئۆتىدىغان بولدى. ئۇ ئايال ئېرىگە: _ قاراڭ، بىزنىڭ بۇ يەردىن ئۆتۈپ تۇرىدىغان ئۇ ئادەمنىڭ خۇداغا ئاتالغان بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم. بىز ئۆگزىمىزگە كىچىك بىر بالىخانا سېلىپ، كارىۋات، شىرە، ئورۇندۇق ۋە چىراغ تەييارلاپ بېرەيلى. ئۇ قاچان بىزنىڭكىگە كەلسە، شۇ ئۆيدە تۇرسۇن، _ دېدى. بىر كۈنى ئېلىشا ئۇ يەرگە كەلگەندە، ئۆگزىدىكى بالىخانىغا چىقىپ ياتتى. ئېلىشا خىزمەتكارى گېخازىغا: _ سەن ئۇ شۇنېملىق ئايالنى چاقىرغىن، _ دېدى. خىزمەتكارى ئۇ ئايالنى چاقىرىپ كەلدى. ئېلىشا خىزمەتكارىغا: _ سەن ئۇ ئايالغا: «سىز بىزگە كۆپ غەمخورلۇق قىلدىڭىز. بىز سىزگە نېمە قىلىپ بېرەيلى؟ سىزگە ۋاكالىتەن پادىشاھقا ياكى قوشۇن سەركەردىسىگە يەتكۈزۈپ قويىدىغان بىرەر گەپ بارمۇ؟» دەپ ئېيتقىن، _ دېدى. ئايال: _ يوقسۇ، مەن ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم ئارىسىدا ياخشى تۇرۇۋاتىمەن، _ دېدى. كېيىن ئېلىشا گېخازىغا: _ ئۇ ئايالغا نېمە قىلىپ بەرسەك بولار؟ _ دېدى. گېخازى ئويلىنىپ: _ ئۇنىڭ ئوغلى يوق ئىكەن، ئېرىمۇ قېرىپ كېتىپتۇ، _ دېدى. ئېلىشا گېخازىغا: _ ئۇنى چاقىر، _ دېدى. ئۇ چاقىردى، ئايال ئىشىك ئالدىدا ھازىر بولدى. ئېلىشا ئايالغا: _ كېلەر يىلى مۇشۇ چاغدا بىر ئوغۇل پەرزەنت قۇچىقىڭىزدا بولىدۇ، _ دېدى. _ ئى خوجام، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى! ئاجىزەلىرىگە يالغان ئېيتمىغايلا، _ دېدى ئۇ ئايال. خۇددى ئېلىشا ئۇنىڭغا ئېيتقاندەك ئۇ ئايال ھامىلىدار بولۇپ، كېيىنكى يىلى ۋەدە قىلغان ۋاقىتتا بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆردى. بالا چوڭ بولۇپ، بىر كۈنى ئورمىچىلار بىلەن تۇرغان دادىسىنىڭ قېشىغا كەلدى. ئۇ دادىسىغا: _ «ۋاي بېشىم! ۋاي بېشىم!» دەپ توۋلاپ كەتتى. دادىسى خىزمەتكارىغا: _ بالىنى ئانىسىنىڭ قېشىغا ئاپىرىۋېتىڭلار، _ دېدى. خىزمەتكار بالىنى كۆتۈرۈپ، ئانىسىغا ئاپىرىپ بەردى. بالا ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇرۇپ، چۈش بولغاندا جان ئۈزدى. ئۇ ئايال ئۆگزىدىكى ئۆيگە چىقىپ، بالىنى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىنىڭ كارىۋىتىغا قويدى-دە، ئىشىكنى يېپىپ چىقىپ كەتتى. ئاندىن ئۇ ئېرىغا ۋارقىراپ: _ ماڭا خىزمەتكارلاردىن ۋە ئېشەكتىن بىرنى بەرسىلە، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىنىڭ يېنىغا بېرىپ كېلىمەن، _ دېدى. ئېرى ئۇنىڭغا: _ يا يېڭى ئاي، يا دەم ئېلىش كۈنى بولمىسا، ئۇنىڭ قېشىغا نېمىدەپ بۈگۈن بارىسەن؟ _ دېدى. ئايالى: _ تىنچلىق، ئەنسىرىمىسىلە، _ دېدى. ئاندىن ئۇ ئېشەكنى توقۇپ، خىزمەتكارىغا: _ ئېشەكنى سەن ھەيدەپ ماڭغىن، مەن دېمىگۈچە ئاستىلاپ قالما، _ دېدى. ئۇلار يولغا چىقىپ، كارمەل تېغىدىكى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئېلىشا ئۇنى يىراقتىن كۆرۈپ، خىزمەتكارى گېخازىغا: _ ئەنە قارا! شۇنېملىق ئايال كېلىۋاتىدۇ! دەرھال ئالدىغا يۈگۈرۈپ، بېرىپ ئۇنىڭغا: «تىنچ تۇردىڭىزمۇ؟ ئېرىڭىز تىنچلىقمۇ؟ بالىڭىز تىنچلىقمۇ؟» دېگىن، _ دېدى. ئايال: _ ھەممىسى تىنچلىق، _ دېدى. ئايال خۇدانىڭ تاغدا تۇرۇۋاتقان يېقىن ئادىمىنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭ پۇتلىرىغا ئېسىلىۋالدى. گېخازى ئۇنى ئىتتىرىۋەتكىلى كېلىۋىدى، لېكىن ئېلىشا ئۇنىڭغا: _ ئۇنى مەيلىگە قويۇۋەت، چۈنكى ئۇنىڭ كۆڭلى پەرىشان. لېكىن پەرۋەردىگار بۇ ئىشنى مەندىن يوشۇرۇپ، ماڭا ئېيتماپتۇ، _ دېدى. _ مەن خوجامدىن بىر ئوغۇل تىلىدىممۇ؟ _ دېدى ئايال، _ مەن ئۆزلىرىگە: «يالغان ئېيتمىغايلا» دېمىگەنمىدىم؟ ئېلىشا گېخازىغا: _ بېلىڭنى باغلاپ، ھاسامنى قولۇڭغا ئېلىپ، يولغا چىق. يولدا مەيلى كىم ئۇچرىسۇن، سالام بەرمە. باشقىلار سالام بەرسىمۇ، سالىمىنى ئىلىك ئالما. ھاسامنى بالىنىڭ يۈزىگە قوي، _ دېدى. _ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئالدىلىرىدا قەسەم قىلىمەنكى، مەن ئۆزلىرىدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، _ دېدى بالىنىڭ ئانىسى. شۇنىڭ بىلەن خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئورنىدىن تۇرۇپ، ئايالنىڭ كەينىدىن ماڭدى. گېخازى ئۇلارنىڭ ئالدىدا بېرىپ، ھاسىنى بالىنىڭ يۈزىگە قويۇۋىدى، سادا چىقمىدى، ئىنكاسمۇ بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قايتىپ كېلىپ، ئېلىشاغا: _ بالا ئويغانمىدى، _ دېدى. ئېلىشا ئۆيگە كەلگەندە، بالا ئۆلگەن بولۇپ، ئېلىشانىڭ كارىۋىتىدا ياتاتتى. ئۇ ئۆي ئىچىگە كىرىپ، ئىشىكنى ئىچىدىن تاقاپ، بالا بىلەن يالغۇز قېلىپ، پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى. ئاندىن كارىۋاتقا چىقىپ، ئۆزىنىڭ ئاغزىنى بالىنىڭ ئاغزىغا، كۆزىنى بالىنىڭ كۆزىگە، ئالىقىنىنى بالىنىڭ ئالىقىنىغا قويغان ھالەتتە بالىنىڭ ئۈستىدە سوزۇلۇپ ياتقانىدى، بالىنىڭ بەدىنى ئىسسىشقا باشلىدى. ئاندىن ئېلىشا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆينىڭ ئىچىدە ئۇياق-بۇياققا مېڭىپ، كارىۋاتقا چىقىپ، بالىنىڭ ئۈستىدە يەنە بىر قېتىم سوزۇلدى. ئۇ بالا يەتتە مەرتەم چۈشكۈرۈپ، ئاندىن كۆزىنى ئاچتى. ئېلىشا گېخازىنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: _ شۇنېملىق ئايالنى چاقىر، _ دېدى. ئۇ ئۇنى چاقىردى. ئېلىشا ئۆزىنىڭ يېنىغا كەلگەن ئايالغا: _ بالىڭىزنى ئېلىڭ، _ دېدى. ئۇ كىردى-دە، ئېلىشانىڭ ئاياغلىرىغا يىقىلىپ، بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلدى ۋە بالىنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى. كېيىن ئېلىشا گىلگالغا قايتىپ كەلدى. ئۇ زېمىندا ئاچارچىلىق بولۇۋاتقانىدى. پەيغەمبەرلەر جامائىتىدىكىلەر ئېلىشانىڭ ئالدىدا ئولتۇراتتى، ئۇ خىزمەتكارىغا: _ چوڭ قازاننى ئېسىپ، پەيغەمبەرلەرگە شورپا پىشۇرۇپ بەر، _ دېدى. بىرەيلەن دالاغا ئوتياش تەرگىلى ماڭدى. ئۇ ياۋا كاۋا پېلەكلىرىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن بىر ئېتەككە لىق كەلگۈدەك خەمەكلىرىنى تېرىپ ئەكېلىپ، توغراپ قازانغا سالدى. لېكىن ھېچكىم بۇ كاۋىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. ئاندىن شورپا كىشىلەرگە ئۇسۇپ بېرىلدى. ئۇلار شورپىنى ئىچىپلا: _ ئى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى، قازاندا زەھەر بار ئىكەن! _ دەپ توۋلىشىپ، شورپىنى ئىچەلمىدى. ئېلىشا: _ ماڭا ئازراق ئۇن بېرىڭلار، _ دېدى. ئاندىن، ئۇننى قازانغا چېچىپ: _ ئەمدى ئۇسۇپ بېرىڭلار _ دېدى. بۇ چاغدا قازاندا زەھەر قالمىغانىدى. بائال-شالىشاھتىن بىر ئادەم كېلىپ، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشاغا تۇنجى يىغىۋېلىنغان ئارپا ئۇنىدا ئېتىلگەن يىگىرمە نان بىلەن يېڭىدىن يىغىۋېلىنغان بىر خالتا ئۈگۈت بەردى. ئېلىشا خىزمەتكارىغا: _ بۇنى كۆپچىلىككە بەرگىن، يېسۇن! _ دېدى. خىزمەتكارى ئۇنىڭغا: _ بۇ ئازغىنا يېمەكلىكنى يۈز ئادەمگە قانداقمۇ يەتكۈزەلەيمەن؟ _ دېدى. خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئۇنىڭغا: _ كۆپچىلىككە بەرگىن، يېسۇن. چۈنكى پەرۋەردىگار: «ئۇلار يەيدۇ، تېخى ئېشىپمۇ قالىدۇ» دەيدۇ، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ خىزمەتكار يېمەكلىكلەرنى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىغا قويدى، ئۇلار يېيىشتى، خۇددى پەرۋەردىگار ئېلىشاغا ئېيتقاندەك، ئېشىپمۇ قالدى. ئاررام قوشۇنىنىڭ سەركەردىسى نائامان پادىشاھىنىڭ نەزىرىدە كاتتا ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر ئادەم ئىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قولى ئارقىلىق ئاررامغا غەلىبە-نۇسرەت ئاتا قىلغانىدى. لېكىن بۇ باتۇر جەڭچى تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالدى. ئارراملار بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشقا چىققاندا، ئىسرائىلىيە زېمىنىدىن بىر كىچىك قىز بالىنى ئەسىرگە ئالغانىدى. ئۇ قىز نائاماننىڭ خوتۇنىنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى. بىر كۈنى ئۇ قىز ئايال خوجايىنىغا: _ خوجام سامارىيەدىكى پەيغەمبەر بىلەن بىر كۆرۈشكەن بولسا ئىدى. شۇ پەيغەمبەر خوجامنىڭ تېرە كېسىلىنى ساقايتقان بولاتتى، _ دېدى. نائامان پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئىسرائىلىيەلىك قىزنىڭ ئۆزىگە ئېيتقانلىرىنى دەپ بەردى. _ ئەمىسە بارغىن، ئىسرائىلىيە پادىشاھىغا مەن بىر مەكتۇپ ئەۋەتىمەن، _ دېدى ئاررام پادىشاھى. نائامان 350 كىلو كۈمۈش، 70 كىلو ئالتۇن ۋە 10 قۇر كىيىم-كېچەك ئېلىپ يولغا چىقتى. ئۇ مەكتۇپنى ئىسرائىلىيە پادىشاھىغا سۇندى. مەكتۇپتا: «مەن بۇ مەكتۇپنى خىزمەتكارىم نائاماندىن سىلىگە يوللىدىم، سىلى ئۇنىڭ تېرە كېسىلىنى ساقايتىپ بەرگەيلا» دەپ يېزىلغانىدى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى مەكتۇپنى ئوقۇغاندىن كېيىن، كىيىملىرىنى يىرتىپ: _ مەن جاننى ئالىدىغان ھەم تىرىلدۈرىدىغان خۇدامىدىم؟ بۇ ئادەمنىڭ ماڭا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، تېرە كېسىلى بار ئادەمنى ساقايتىسەن، دېگىنى نېمىسى؟ ئۇنىڭ قاراپ تۇرۇپ، مەن بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا باھانە ئىزدىگىنى ئەمەسمۇ! _ دېدى. خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشا پادىشاھنىڭ ئۆز كىيىملىرىنى يىرتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا: «ئۆزلىرى نېمىدەپ كىيىملىرىنى يىرتىدىلا؟ ئۇ ئادەم مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ، ئىسرائىلىيەدە بىر پەيغەمبەرنىڭ بارلىقىنى بىلىپ قالسۇن» دېگەن سۆزنى ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن نائامان ئۆزىنىڭ ئات ۋە ھارۋىلىرى بىلەن كېلىپ، ئېلىشانىڭ ئىشىكى ئالدىدا توختىدى. ئېلىشا بىر خەۋەرچى ئارقىلىق ئۇنىڭغا: «بېرىپ، ئىئوردان دەرياسىدا يەتتە مەرتەم يۇيۇنغىن. شۇنداق قىلساڭ تېنىڭ ئەسلىگە كېلىپ، پاكلىنىدۇ» دېدى. نائامان غەزەپ بىلەن: _ مەن تېخى ئۇنى چوقۇم مېنىڭ قېشىمغا كېلىپ، ئۆرە تۇرۇپ، ئۆز خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ، قولىنى كېسەل يەرنىڭ ئۈستىدە ھەرىكەتلەندۈرۈپ، تېرە كېسىلىمنى ساقايتىدۇ، دەپ ئويلاپتىمەن. دەمەشقتىكى ئابانا دەرياسى بىلەن پارپار دەرياسىنىڭ سۈيى پۈتۈن ئىسرائىلىيەنىڭ سۇلىرىدىن ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟ ئەجەبا مەن شۇ سۇلاردا يۇيۇنسام ساقايماسمىدىم؟ _ دەپ، دەرغەزەپ بولۇپ، بۇرۇلۇپلا ئۇ يەردىن كەتتى. خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ: _ ئى خوجام، پەيغەمبەر ئۆزلىرىگە چوڭ بىر ئىشنى تاپىلىغان تەقدىردىمۇ دېگىنىدەك قىلغان بولاتتىلا، ھالبۇكى ئۇنىڭ سىلىگە: «يۇيۇنۇپ پاكلان» دېگىنى ئاسان بىر ئىشقۇ؟ _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىنىڭ دېگىنى بويىچە ئىئوردان دەرياسىغا يەتتە مەرتەم چۈشۈپ، ئۆزىنى سۇغا چىلىدى. ئاندىن تېرىسى ئەسلىگە كېلىپ، كىچىك بالىنىڭكىدەك پاكلىنىپ كەتتى. نائامان بارلىق ھەمراھلىرى بىلەن قايتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا: _ مانا، ئەمدى مەن پۈتۈن ئالەمدە ئىسرائىللارنىڭ خۇداسىدىن باشقا بىر خۇدانىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەتكارلىرىنىڭ سوۋغىتىنى قوبۇل قىلغايلا، _ دېدى. ئېلىشا: _ مەن خىزمىتىنى قىلىدىغان، مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، مەن ھېچقانداق سوۋغات قوبۇل قىلمايمەن، _ دېدى. نائامان ھەرقانچە زورلىسىمۇ، ئېلىشا سوۋغاتنى رەت قىلدى. نائامان مۇنداق دېدى: _ سوۋغاتنى قوبۇل قىلمىسىلىرى مەيلى، لېكىن مەن پېقىر خىزمەتكارلىرىغا ئىككى قېچىرلىق توپا بولسىمۇ بەرگەيلا، شۇندا پېقىر خىزمەتكارلىرى باشقا ئىلاھلارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى باشقا قۇربانلىقلارنى سۇنماي، پەقەت پەرۋەردىگارغىلا سۇنىمەن. لېكىن پەرۋەردىگار مۇنۇ بىر ئىشتا مەن خىزمەتكارلىرىنى كەچۈرۈۋەتكەي. مېنىڭ خوجام ئارراملارنىڭ ئىلاھى رىمموننىڭ بۇتخانىسىغا ئىبادەت قىلغىلى بارغاندا، خوجام مېنىڭ بىلىكىمگە تايىنىۋالسا، مەنمۇ بىرلىكتە سەجدە قىلىشقا مەجبۇر بولىمەن. پەرۋەردىگارنىڭ مەن پېقىرنىڭ بۇ ئىشىنى كەچۈرۈۋېتىشىنى تىلەيمەن. ئېلىشا ئۇنىڭغا: _ ئەنسىرىمەي، تىنچ-ئامان ماڭغايسەن، _ دېدى. ئاندىن نائامان ئېلىشانىڭ قېشىدىن ئايرىلىپ، يولىغا راۋان بولدى. خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشانىڭ خىزمەتكارى گېخازى ئىچىدە: «خوجايىنىمنىڭ ئاۋۇ ئارراملىق نائامان ئەكەلگەن نەرسىلەرنى قوبۇل قىلماي، ئۇنى قويۇۋەتكىنىنى قارىمامدىغان! مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن بېرىپ، ئۇنىڭدىن بىر نەرسە ئۈندۈرۈۋالىمەن» دەپ ئويلىدى. ئۇ نائاماننى كۆزلەپ ماڭدى. نائامان بىرەيلەننىڭ ئۆزىنىڭ ئارقىسىدىن كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، جەڭ ھارۋىسىدىن چۈشۈپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ: _ بىرەر ئىش بولدىمۇ؟ _ دېدى. گېخازى: _ ھېچ ئىش بولمىدى. خوجام مېنى: «بايىلا ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى پەيغەمبەرلەر جامائىتىدىن ئىككى يىگىت كەلگەنىدى، ئۇلارغا 35 كىلو كۈمۈش ۋە ئىككى قۇر كىيىم بەرگەيسىز» دېگەن سۆزىنى ئۆزلىرىگە يەتكۈزگىلى ئەۋەتتى، _ دېدى. نائامان ئۇنىڭغا: _ مەرھەمەت، 70 كىلو ئالغىن، _ دەپ ئۇنىڭغا 70 كىلو كۈمۈشنى ئىككى خالتىغا قاچىلاپ، زورلاپ بەردى ۋە ئىككى قۇر كىيىمنىمۇ قوشۇپ بەردى. نائامان بۇ نەرسىلەرنى ئىككى خىزمەتكارىغا تۇتقۇزدى. ئۇ ئىككىسى نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ، گېخازىنىڭ ئالدىدا ماڭدى. ئۇلار تۆپىلىككە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، گېخازى نەرسىلەرنى ئۇلارنىڭ قولىدىن ئېلىپ، ئۇلارنى يولغا سېلىپ قويدى ۋە نەرسىلەرنى ئۆيگە ئاپىرىۋالدى. گېخازى خوجايىنىنىڭ ئالدىغا كىرگەندە، ئېلىشا ئۇنىڭدىن: _ گېخازى، نەگە بېرىپ كەلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى. گېخازى: _ خىزمەتكارلىرى ھېچ يەرگە بارغىنى يوق، _ دېدى. ئېلىشا ئۇنىڭغا: _ ئۇ ئادەم ھارۋىسىدىن سەن بىلەن كۆرۈشكىلى چۈشكەندە، مېنىڭ روھىم سەن بىلەن بىللە ئەمەسمىدى؟ ھازىر دېگەن پۇل، كىيىم-كېچەك، زەيتۇنلۇق، ئۈزۈمزارلىق، قوي، كالا، خىزمەتكار ۋە دېدەك قوبۇل قىلىدىغان چاغمۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن، نائاماننىڭ تېرە كېسىلى مەڭگۈ ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا قالىدۇ، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن گېخازى ئېلىشانىڭ ھۇزۇرىدىن چىققاندا، ئۇنى كېسەل بېسىپ، تېرىلىرى قاردەك ئاقىرىپ كەتتى. بىر كۈنى پەيغەمبەرلەر جامائىتىدىكىلەر ئېلىشاغا: _ ئى ئۇستاز، كۆرۈپ تۇرۇپسىزكى، بىز تۇرۇۋاتقان بۇ جاي بىز ئۈچۈن بەك كىچىك بولۇپ قالدى. ئىئوردان دەرياسىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ھەربىرىمىز ئۇ يەردىن بىردىن لىم ياغاچ تېپىپ، شۇ يەردە ئۆزىمىزگە ئولتۇرىدىغان ئۆي سېلىۋالايلى، _ دېيىشتى. ئېلىشا: _ بېرىڭلار! _ دېدى. پەيغەمبەرلەردىن بىرى: _ خاپا بولماي، بىز خىزمەتكارلىرىڭىز بىلەن بىللە بارغان بولسىڭىز، _ دېدى. ئۇ: _ بولىدۇ، باراي، _ دېدى. ئېلىشا ئۇلار بىلەن بىللە باردى. ئۇلار ئىئوردان دەرياسىغا كېلىپ، دەرەخلەرنى كېسىشكە باشلىدى. ئۇلاردىن بىرى دەرەخ كېسىۋاتقاندا پالتىسىنىڭ بېشى سۇغا چۈشۈپ كەتتى. ئۇ: _ ئاپلا! ۋاي خوجام، مەن بۇنى ئۆتنە ئالغانىدىم، _ دەپ ۋارقىرىدى. خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى: _ قەيەرگە چۈشۈپ كەتتى؟ _ دەپ سورىدى. ئۇ ئادەم پالتا چۈشۈپ كەتكەن يەرنى كۆرسەتتى. خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ياغاچتىن بىرنى كېسىپ، ئۇنى شۇ يەرگە تاشلىۋىدى، پالتىنىڭ بېشى لەيلەپ چىقتى. ئېلىشا ئۇنىڭغا: _ ئۇنى ئېلىۋال، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قولىنى سوزۇپ، پالتىنى ئېلىۋالدى. ئاررام پادىشاھى ئىسرائىلىيەگە قارشى جەڭ باشلىغانىدى، ئۇ ئەمەلدارلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ: _ مەن بارگاھىمنى پالانى-پۇستانى يەرلەرگە قۇرىمەن، _ دېدى. خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشا ئىسرائىلىيە پادىشاھىنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئېھتىيات قىلسىلا، ئۇ يەرلەردىن ئۆتمىسىلە، چۈنكى ئارراملار شۇ يەرگە قاراپ كېلىۋاتىدۇ» دەپ خەۋەر ئەۋەتتى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئاگاھلاندۇرغان يەرگە ئادەم ئەۋەتتى. ئېلىشا پادىشاھنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرغاچقا، پادىشاھ ئۇ يەرلەردە ئېھتىيات بىلەن يۈرىدىغان بولدى. بۇ ئىش بىرقانچە قېتىم تەكرارلاندى. بۇ ئاررام پادىشاھىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى. ئۇ ئادەملىرىنى چاقىرىپ: _ قېنى ئېيتىڭلارچۇ، ئارىمىزدا قايسىمىز ئىسرائىلىيە پادىشاھى تەرەپدارى؟ _ دېدى. ئۇنىڭ بىر ئەمەلدارى: _ ھېچقايسىمىز ئەمەس، ئى ئالىيلىرى، ئىسرائىلىيەدىكى ئېلىشا دېگەن پەيغەمبەر ئۆزلىرىنىڭ ھۇجرا ئۆيلىرىدە قىلغان گەپلىرىنى ئاڭلىۋېلىپ، ئۇنى ئىسرائىلىيە پادىشاھىغا ئېيتىپ قويىدۇ، _ دېدى. ئاررام پادىشاھى: _ بېرىپ ئۇنىڭ نەدىلىكىنى ئۇقۇپ كېلىڭلار، ئۇنى تۇتۇپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتىمەن، _ دېدى. كېيىن، «ئۇ ھازىر دوتاندا ئىكەن» دېگەن خەۋەر كەلدى. ئاررام پادىشاھى ئاتلار، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە زور بىر قوشۇننى ئۇ يەرگە ئەۋەتتى. ئۇلار كېچىدە كېلىپ، ئۇ شەھەرنى قورشىۋالدى. خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىنىڭ خىزمەتكارى سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ، سىرتقا چىقىپ، شەھەرنى ئارراملارنىڭ قوشۇنى ۋە ئۇلارنىڭ ئات-ھارۋىلىرىنىڭ قورشىۋالغانلىقىنى كۆردى ۋە خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىگە: _ ۋاي خوجام، ئەمدى قانداق قىلىمىز؟ _ دېدى. خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى: _ قورقمىغىن، بىز بىلەن بىللە بولىدىغانلار ئۇلار بىلەن بىللە بولىدىغانلاردىن كۆپ، _ دېدى، ئاندىن ئۇ دۇئا قىلىپ: _ ئى پەرۋەردىگارىم! سەندىن تىلەيمەنكى، ئۇنىڭ كۆزى ئېچىلىپ، كۆرەلمەيدىغان ئىشلارنى كۆرەلەيدىغان بولسۇن، _ دېدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭ خىزمەتكارىنىڭ كۆزىنى ئاچتى. ئۇ يالقۇنلىنىپ تۇرغان ئاتلار ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ تاغ باغرىنى قاپلاپ، ئېلىشانى ئوراپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. ئارراملار ئېلىشاغا قارشى باستۇرۇپ كەلگەندە، ئۇ پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ: _ بۇ ئادەملەرنىڭ كۆزىنى كور قىلىپ قويغايسەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆزىنى كور قىلىپ قويدى. ئېلىشا ئۇلارغا: _ سىلەر خاتا يولدا مېڭىپسىلەر، بۇ سىلەر ئىزدىگەن شەھەر ئەمەس. سىلەر ئارقامدىن مېڭىڭلار، مەن سىلەرنى سىلەر ئىزدەپ يۈرگەن ئادەمنىڭ يېنىغا ئېلىپ باراي، _ دەپ، ئۇلارنى سامارىيە شەھىرىگە باشلاپ كەلدى. ئۇلار سامارىيەگە كىرگەندە، ئېلىشا: _ ئى پەرۋەردىگار! بۇ ئادەملەرنىڭ كۆزىنى ئاچقايسەن، ئۇلار كۆرىدىغان بولسۇن، _ دەپ دۇئا قىلدى، پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ كۆزىنى ئاچتى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سامارىيە شەھىرىنىڭ ئىچىگە كېلىپ قالغانلىقىنى كۆردى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئۇلارنى كۆرۈپ، ئېلىشادىن: _ ئى ئاتا، ئۇلارنى ئۆلتۈرەيمۇ؟ _ دەپ سورىدى. ئېلىشا: _ ئۇلارنى ئۆلتۈرمە، قىلىچ ۋە ئوقيايىڭ بىلەن ئەسىرگە ئالغانلارنىمۇ ئۆلتۈرمەيتتىڭغۇ! ئۇلارنىڭ ئالدىغا يېمەكلىك كەلتۈر. ئۇلار يەپ-ئىچىپ، خوجايىنىنىڭ يېنىغا كەتسۇن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۇلارغا كاتتا زىياپەت تەييارلىدى. ئۇلار يەپ-ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، پادىشاھ ئۇلارنى يولغا سېلىپ قويدى. ئۇلار خوجايىنىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئارراملىقلاردىن ھېچكىم ئىسرائىلىيە زېمىنىغا قايتا تاجاۋۇز قىلمىدى. كېيىن ئاررام پادىشاھى بەنھاداد پۈتۈن قوشۇنىنى توپلاپ، سامارىيە شەھىرىنى قورشاۋغا ئالدى. شۇنىڭ بىلەن سامارىيەدە قاتتىق ئاچارچىلىق يۈز بەردى. قورشاۋغا ئېلىش تاكى بىر ئېشەك كاللىسىنىڭ باھاسى بىر كىلو كۈمۈشكە، يۈز گىرام كەپتەر مايىقىنىڭ باھاسى 60 گىرام كۈمۈشكە كەلگۈچىلىك داۋاملاشتى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى سېپىل ئۈستىدە كېتىۋاتقىنىدا، بىر ئايال ئۇنىڭغا نىدا قىلىپ: _ ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، ماڭا ياردەم بەرگەيلا! _ دېدى. پادىشاھ: _ پەرۋەردىگار ساڭا ياردەم بەرمىسە، مەن ساڭا قانداق ياردەم بېرەلەيمەن؟ خاماندىمۇ، ئۈزۈم ئېزىش كۆلچىكىدىمۇ ھېچنېمە قالمىدى، _ دېدى. پادىشاھ يەنە ئۇنىڭدىن: _ زادى نېمە ئىشىڭ بار ئىدى؟ _ دەپ سورىدى. ئۇ ئايال: _ ماۋۇ ئايال ماڭا: «ئوغلۇڭنى بەر، بۈگۈن ئۇنى يەيلى، ئەتە مېنىڭ ئوغلۇمنى يەيلى» دېدى. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئوغلۇمنى پىشۇرۇپ يېدۇق. ئەتىسى مەن ئۇنىڭغا: «ئوغلۇڭنى بەر، بۈگۈن ئۇنى يەيلى» دېسەم، ئۇ ئوغلىنى يوشۇرىۋالدى، _ دېدى. پادىشاھ ئايالنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كىيىملىرىنى يىرتتى. ئۇ سېپىل ئۈستىدە كېتىۋاتقاچقا، كىشىلەر ئۇنىڭ تونى ئىچىگە ماتەملىك كىيىم كىيىۋالغانلىقىنى كۆردى. ئۇ: _ ئەگەر شافاتنىڭ ئوغلى ئېلىشانىڭ كاللىسى بۈگۈن ئۇنىڭ تېنىدە قالىدىغان بولسا، خۇدا مېنى قاتتىق جازالىسۇن! _ دېدى. بۇ چاغدا ئېلىشا ئۆزىنىڭ ئۆيىدە ئىدى. ئاقساقاللارمۇ ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇرۇشاتتى. پادىشاھ بىر ئادىمىنى ئۇنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى. لېكىن ئۇ يېتىپ كېلىشتىن ئاۋۋال ئېلىشا ئاقساقاللارغا: _ قاراڭلار، ئاۋۇ جاللاتنىڭ مېنىڭ كاللامنى ئېلىشقا ئادەم ئەۋەتكىنىنى! ئۇ كەلگەن چاغدا سىلەر ئۇنى كىرگۈزمەي، ئىشىكنى ئىچىدىن تاقاپ تۇرىۋېلىڭلار. ئۇنىڭ خوجايىنىنىڭ قەدەم تاۋۇشى ئۇنىڭدىن كېيىنلا ئاڭلىنىدۇ، _ دېدى. ئېلىشا ئاقساقاللارغا گەپ قىلىۋاتقان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە پادىشاھ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: _ مانا، بۇ بالايىئاپەت پەرۋەردىگاردىن كەلگەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق مەن نېمىدەپ يەنە پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلاپ تۇرغۇدەكمەن؟ _ دېدى. _ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار، _ دېدى ئېلىشا، _ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا سامارىيە شەھەر دەرۋازىسىدا ئىككى كىلو سۈپەتلىك ئۇن پەقەت 12 گىرام كۈمۈشكىلا سېتىلىدۇ، تۆت كىلو ئارپىمۇ پەقەت 12 گىرام كۈمۈشكىلا سېتىلىدۇ». لېكىن پادىشاھنىڭ سەركەردىسى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىگە: _ پەرۋەردىگار ئاسماندىن تۈڭلۈك ئېچىپ قويغان تەقدىردىمۇ بۇنداق ئىش يۈز بەرمەيدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى. ئېلىشا: _ قاراپ تۇر، شۇنداق بولغىنىنى سەن ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرىسەن، لېكىن ئۇنى يىيىش ساڭا نېسىپ بولمايدۇ، _ دېدى. تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان تۆت ئادەم شەھەر دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدا بىر-بىرىگە: _ بىز نېمىدەپ بۇ يەردە ئۆلۈمنى كۈتۈپ ئولتۇرىمىز؟ ئەگەر بىز «شەھەرگە كىرەيلى» دېسەك، شەھەردە ئاچارچىلىق بولۇۋاتىدۇ، ئۇ يەردە ئۆلۈپ كېتىمىز. لېكىن بۇ يەردە ئولتۇرساقمۇ، ئوخشاشلا ئۆلىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەمدى بىز ئارراملارنىڭ بارگاھىغا بېرىپ، ئۇلارغا تەسلىم بولايلى. ئەگەر ئۇلار بىزنىڭ بىر قوشۇق قېنىمىزدىن كەچسە ھايات قالارمىز، ئۆلتۈرۈۋەتسە ئۆلەرمىز، _ دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن، گۇگۇم چۈشكەندە ئۇلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، ئارراملارنىڭ بارگاھى تەرەپكە ماڭدى. ئۇلار ئارراملارنىڭ بارگاھىغا يېقىنلاپ كەلگەندە، ئۇ يەردە بىرمۇ ئادەمنى كۆرمىدى. چۈنكى ئىگىمىز ئارراملارنىڭ قوشۇنىغا جەڭ ھارۋىلىرى، ئاتلار ۋە زور بىر قوشۇننىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىك ئاۋازىنى ئاڭلاتقانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار بىر-بىرىگە: «ئاڭلىدىڭلارمۇ، ئىسرائىلىيە پادىشاھى بىزگە ھۇجۇم قىلىشقا خىتلارنىڭ ۋە مىسىرلىقلارنىڭ پادىشاھلىرىغا پۇل بېرىپ، قوشۇنلىرىنى ياللاپتۇ» دېيىشىپ، گۇگۇم چۈشكەندە، چېدىرلىرىنى، ئات ۋە ئېشەكلىرىنى تاشلاپ قېچىپ كېتىشكەنىدى، ھەتتا بارگاھلىرىنىمۇ شۇ پېتى تاشلاپ قويۇپ، جېنىنى ئېلىپ تىكىۋېتىشكەنىدى. تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ھېلىقى ئادەملەر بارگاھقا يېقىنلاپ بېرىپ، بىر چېدىرغا كىرىپ، يەپ-ئىچىپ، ئالتۇن-كۈمۈش ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى ئېلىپ، بىر يەرگە تىقىپ قويدى. ئاندىن ئۇلار ئۇ يەردىن قايتىپ چىقىپ، يەنە بىر چېدىرغا كىرىپ، ئۇ يەردىكى نەرسىلەرنىمۇ ئېلىپ چىقىپ، تىقىپ قويدى. ئاندىن ئۇلار بىر-بىرىگە: _ بىزنىڭ بۇنداق قىلغىنىمىز توغرا بولمىدى. بۈگۈن خۇش خەۋەر يەتكۈزىدىغان كۈن ئىدى. لېكىن بىز ئۈن-تىنسىز يۈرىۋاتىمىز. ئەگەر بىز سۈبھىگىچە ساقلايدىغان بولساق، بېشىمىزغا بالا كېلىدۇ. ئەمدى ئوردىغا بېرىپ، بۇ ئىشنى مەلۇم قىلايلى، _ دېيىشتى. ئۇلار شەھەر دەرۋازىسىغا كېلىپ، دەرۋازىۋەنلەرگە توۋلاپ: _ بىز ئارراملارنىڭ بارگاھىغا بارغانىدۇق، قارىساق بىرمۇ ئادەم يوق، ھېچبىر سادامۇ يوق، پەقەت ئات، ئېشەكلەرلا باغلاقلىق تۇرۇپتۇ، چېدىرلىرىمۇ شۇ پېتى قاپتۇ، _ دېدى. دەرۋازىۋەنلەر توۋلىشىپ، بۇ خەۋەرنى پادىشاھ ئوردىسىغا يەتكۈزۈشتى. پادىشاھ كېچىسى ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەمەلدارلىرىغا: _ مەن سىلەرگە ئارراملارنىڭ نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىنى دەپ بېرەي. ئۇلار بىزدە ئاچارچىلىق بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئۆزئارا: «ئۇلار شەھەردىن چىققاندا بىز ئۇلارنى تىرىك تۇتۇپ، ئاندىن شەھەرگە كىرىمىز» دېيىشىپ، بارگاھلىرىدىن چىقىشىپ، دالادا مۆكۈنۈۋېلىشتى، _ دېدى. ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىدىن بىرى: _ شەھەردىكى ئاھالىلەر ئاللىقاچان تۈگىشىپ، خۇددى ئۆلۈك ئادەملەردەك بولۇپ قالدى. بىز ھەممىمىز ھامىنى ئۆلۈپ كېتىمىز. شۇڭا قېلىپ قالغان ئاتلاردىن بەشنى ئېلىپ، ئادەم ئەۋەتىپ، نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىپ باقمايمىزمۇ؟ _ دېدى. ئاندىن ئۇلار ئىككى جەڭ ھارۋىسى ۋە ئاتلارنى تەييارلىدى. پادىشاھ ئۇلارنى ئاررام قوشۇنىنىڭ كەينىدىن قوغلاشقا ئەۋەتتى ۋە ئۇلارغا: _ بېرىپ، كۆزىتىپ كېلىڭلار، _ دەپ تاپىلىدى. ئۇلار ئارراملارنىڭ قوشۇنىنى تاكى ئىئوردان دەرياسى بويىغىچە قوغلاپ باردى. پۈتۈن يوللار ئارراملار ئالدىراپ قاچقاندا تاشلاپ كەتكەن كىيىم-كېچەك ۋە باشقا نەرسىلەر بىلەن تولۇپ كەتكەنىدى. خەۋەرچىلەر كېلىپ، پادىشاھقا بۇ خەۋەرنى يەتكۈزدى. ئاندىن كىشىلەر چىقىپ، ئارراملارنىڭ بارگاھىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، خۇددى پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك، ئىككى كىلو سۈپەتلىك ئۇن پەقەت 12 گىرام كۈمۈشكە، تۆت كىلو ئارپىمۇ پەقەت 12 گىرام كۈمۈشكە سېتىلدى. پادىشاھ سەركەردىسىنى شەھەر دەرۋازىسىغا قاراشقا قويدى. خۇددى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشا، پادىشاھ كەلگەن چاغدا ئېيتقىنىدەك، خالايىق سەركەردىنى شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا دەسسەپ ئۆلتۈردى. ئىشلار خۇددى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى پادىشاھقا ئېيتقىنىدەك بولدى. ئۇ: «ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا سامارىيە شەھىرىنىڭ دەرۋازىسىدا تۆت كىلو ئارپا پەقەت 12 گىرام كۈمۈشكە، ئىككى كىلو سۈپەتلىك ئۇنمۇ پەقەت 12 گىرام كۈمۈشكە سېتىلىدۇ» دېگىنىدە، ھېلىقى سەركەردە خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىگە: «پەرۋەردىگار ئاسماندىن تۈڭلۈك ئېچىپ قويغان تەقدىردىمۇ بۇنداق ئىش يۈز بەرمەيدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى. خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئۇنىڭغا: «قاراپ تۇر، شۇنداق بولغىنىنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرىسەن، لېكىن ئۇنى يېيىش ساڭا نېسىپ بولمايدۇ» دېگەنىدى. ئىشلار ئۇنىڭ بېشىغا شۇ تەرىقىدە كەلدى: خالايىق ئۇنى شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا دەسسەپ ئۆلتۈردى. ئېلىشا ئۆزى تىرىلدۈرگەن ئوغۇلنىڭ ئانىسىغا: _ سىز ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ، ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن نەگە بارالىسىڭىز شۇ يەرگە بېرىپ تۇرۇڭ، چۈنكى پەرۋەردىگار بۇ زېمىندا يەتتە يىلغىچە ئاچارچىلىق بولىدىغانلىقىنى قارار قىلدى، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىنىڭ دېگىنىدەك قىلىپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە فىلىستىيەلىكلەرنىڭ زېمىنىغا بېرىپ، يەتتە يىل تۇردى. يەتتە يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ ئايال فىلىستىيەلىكلەرنىڭ زېمىنىدىن قايتىپ كېلىپ، پادىشاھتىن ئۆيى ۋە ئېتىزلىقىنى تەلەپ قىلغىلى باردى. بۇ چاغدا پادىشاھ خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىنىڭ خىزمەتكارى گېخازىغا: «سەن ماڭا ئېلىشا قىلغان بارلىق ئۇلۇغ ئىشلار توغرۇلۇق سۆزلەپ بەر» دېگەنلىكى ئۈچۈن، گېخازى پادىشاھقا ئېلىشانىڭ ئۆلگەن بىر بالىنى تىرىلدۈرگەن ئىشىنى سۆزلەپ بېرىۋاتقانىدى. دەل شۇ پەيتتە ئېلىشا ئوغلىنى تىرىلدۈرۈپ بەرگەن ھېلىقى ئايال پادىشاھتىن ئۆيى ۋە ئېتىزلىقىنى تەلەپ قىلىپ، كىرىپ كەلدى. گېخازى: _ ئى پادىشاھى ئالەم، ئېلىشا ئوغلىنى تىرىلدۈرۈپ بەرگەن ئايال مانا مۇشۇدۇر، بۇ ئۇنىڭ تىرىلگەن ئوغلىدۇر، _ دېدى. پادىشاھ ئۇ ئايالدىن سورىۋىدى، ئۇ ھەممە ئىشنى سۆزلەپ بەردى. ئاندىن پادىشاھ ئۇ ئايالنىڭ ئىشى ئۈچۈن بىر ئەمەلدارنى بەلگىلەپ، ئۇنىڭغا: _ ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ۋە ئۇ بۇ زېمىندىن كەتكەن كۈندىن تارتىپ، تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە ئېتىزلىقىدىن چىققان ھوسۇلنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇپ بەر، _ دېدى. ئۇ ئىشلاردىن كېيىن ئېلىشا دەمەشققە باردى. بۇ چاغدا ئاررام پادىشاھى بەنھاداد كېسەل بولۇپ قالغانىدى. ئۇ «خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى بۇ يەرگە كەلدى» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئەمەلدارى خازائېلغا: _ سەن سوۋغا-سالاملارنى ئېلىپ بېرىپ، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى بىلەن كۆرۈشكىن. ئۇ كىشى پەرۋەردىگاردىن: «مېنىڭ كېسىلىم ساقىيارمۇ؟» دېگەن سوئالىمنى سوراپ باقسۇن، _ دېدى. خازائېل قىرىق تۆگىگە دەمەشقنىڭ ئەڭ ياخشى نەرسىلىرىدىن ئارتىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى ماڭدى. ئۇ ئېلىشانىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: _ ئوغۇللىرى ئاررام پادىشاھى بەنھاداد مېنى سىلىنىڭ ئالدىلىرىغا: «مەن بۇ كېسەلدىن ساقىيالايمەنمۇ؟» دېگەن سوئالىنى سوراپ بېقىش ئۈچۈن ئەۋەتتى، _ دېدى. ئېلىشا ئۇنىڭغا: _ سەن بېرىپ ئۇنىڭغا: «ئۆزلىرىنىڭ ساقىيىپ كېتىشلىرى مۇقەررەر» دەپ ئېيتقىن، لېكىن پەرۋەردىگار ماڭا ئايان قىلدىكى، ئۇنىڭ ئۆلۈشى مۇقەررەردۇر، _ دېدى. ئاندىن خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى تاكى خازائېل خىجىل بولغۇچە ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇردى، ئاخىرىدا ئېلىشا يىغلاپ كەتتى. _ خوجام، ئۆزلىرى نېمىشقا يىغلايدىلا؟ _ دېدى خازائېل. _ چۈنكى مەن سېنىڭ ئىسرائىل خەلقىگە قىلىدىغان يامان ئىشلىرىڭنى بىلىمەن، _ دېدى ئېلىشا، _ سەن ئۇلارنىڭ قەلئەلىرىنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرىسەن، ياشلىرىنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرىسەن، ئۇششاق بالىلىرىنى يەرگە ئۇرۇپ ئۆلتۈرىسەن، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قارنىنى يارىسەن. _ مەن قۇللىرى قانچىلىك ئادەم ئىدىم؟ مەن پەقەت بىر ئىت، خالاس. بۇنچىلىك چوڭ ئىشلار قانداقمۇ مېنىڭ قولۇمدىن كەلسۇن؟ _ دېدى خازائېل. _ پەرۋەردىگار ماڭا ئايان قىلدىكى، سەن ئاررام پادىشاھى بولىسەن، _ دېدى ئېلىشا. ئاندىن ئۇ ئېلىشا بىلەن خوشلىشىپ، ئۆزىنىڭ خوجايىنىنىڭ يېنىغا باردى. بەنھاداد ئۇنىڭدىن: _ ئېلىشا ساڭا نېمىلەرنى دېدى؟ _ دەپ سورىدى. خازائېل جاۋابەن: _ ئۇ ماڭا ئۆزلىرىنىڭ جەزمەن ساقىيىپ كېتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى، _ دېدى. لېكىن ئەتىسى ئۇ يوتقاننى سۇغا چىلاپ، بەنھادادنىڭ يۈزىنى ئوراپ دىمىقتۇرۇپ ئۆلتۈردى. شۇنىڭدىن كېيىن خازائېل ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. ئاخابنىڭ ئوغلى _ ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورامنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 5-يىلى يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافاتنىڭ ئوغلى يىھورام تەختكە چىقىپ، پادىشاھلىق قىلدى. ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 32 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا سەككىز يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. يىھورام ئاخابنىڭ قىزىنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ، خۇددى ئاخاب جەمەتىدىكىلەرنىڭ قىلغىنىدەك، ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ يولىدا مېڭىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. لېكىن، پەرۋەردىگار ئۆز خىزمەتكارى داۋۇتنىڭ ھەق-ھۆرمىتى ئۈچۈن، يەھۇدىيەنى ۋەيران قىلىشنى خالىمىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار داۋۇتنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمەي، ئەۋلادىنىڭ تەختىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەرگەنىدى. يىھورام پادىشاھ ۋاقتىدا ئىدوملۇقلار يەھۇدىيەدىن يۈز ئۆرۈپ، ئۆزلىرىگە ئايرىم بىر پادىشاھ تىكلىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن يىھورام بارلىق جەڭ ھارۋىلىرىنى ئېلىپ، زائىر شەھىرىگە باردى. ئۇ كېچىسى ئورنىدىن تۇرۇپ، ھارۋىلىق لەشكەرلەر باشلىقلىرى بىلەن بىرگە ئۆزلىرىنى قورشاپ تۇرغان ئىدوملۇقلار ئارىسىدىن قېچىپ چىقتى. لېكىن ئۇنىڭ قوشۇنىدىكى لەشكەرلەر ئۆيلىرىگە تاراپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىدوملۇقلار تاكى ھازىرغىچە يەھۇدىيەگە قارشى چىقىپ كەلمەكتە. شۇ چاغدا لىبناھلىقلارمۇ يەھۇدىيەگە قارشى چىقىشقانىدى. يىھورام پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. يىھورام ۋاپات بولۇپ، «داۋۇت شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئاخازيا ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلدى. ئاخابنىڭ ئوغلى _ ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورامنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 12-يىلى يىھورامنىڭ ئوغلى ئاخازيا يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 22 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا بىر يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئومرىنىڭ نەۋرىسى ئاتاليا ئىدى. ئاخازيا ئاخاب جەمەتىدىكىلەر بىلەن نىكاھ مۇناسىۋىتىدە بولغاچقا، خۇددى ئاخاب جەمەتىدىكىلەرگە ئوخشاش، ئۇلارنىڭ يولىنى تۇتۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئاخازيا ئاخابنىڭ ئوغلى _ ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورامغا ئەگىشىپ، گىلئادتىكى راموتقا ئاررام پادىشاھى خازائېلغا قارشى جەڭ قىلغىلى باردى. ئارراملار يورامنى يارىلاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ يورام يارىسىنى ساقايتىش ئۈچۈن يىزرىئەلگە قايتىپ كەتتى. ئاخازيا ئۇنى يوقلاپ باردى. ئېلىشا پەيغەمبەر پەيغەمبەرلەر جامائىتىدىن بىر كىشىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا: _ سەن بېلىڭنى باغلاپ، ماۋۇ بىر قۇتا ياغنى كۆتۈرۈپ، گىلئادتىكى راموتقا بارغىن. ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن، يىھوشافاتنىڭ ئوغلى _ نىمشىنىڭ نەۋرىسى يېھۇنى تاپقىن. ئۇنى بۇرادەرلىرى ئىچىدىن چاقىرىپ چىقىپ، ئىچكىرىكى بىر ئۆيگە ئەكىرگىن. ئاندىن قۇتىدىكى ياغنى ئۇنىڭ بېشىغا قۇيۇپ: «پەرۋەردىگار: ‹سېنى ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىقىغا تەيىنلىدىم› دەيدۇ» دېگىن. ئاندىن ئىشىكنى ئېچىپلا دەرھال قېچىپ كەتكىن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ياش پەيغەمبەر گىلئادتىكى راموتقا قاراپ ماڭدى. ئۇ، ئۇ يەرگە بارغاندا، ئىسرائىلىيە قوشۇنىنىڭ سەركەردىلىرىنىڭ شۇ يەردە ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ: _ سەركەردە، سىلىگە گېپىم بار ئىدى، _ دېدى. _ قايسىمىزغا؟ _ دەپ سورىدى يېھۇ. _ ئۆزلىرىگە، ئەي سەركەردە، _ دېدى ئۇ. يېھۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆيگە كىردى. پەيغەمبەر ياغنى يېھۇنىڭ بېشىغا قۇيۇپ: _ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ئۆزلىرىگە مۇنداق دەيدۇ: «مەن سېنى پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھلىقىغا تەيىنلىدىم. سەن خوجاڭ ئاخاب پادىشاھنىڭ جەمەتىنى يوقىتىسەن. مەن خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە مېنىڭ باشقا بارلىق خىزمەتكارلىرىمنىڭ تۆكۈلگەن قېنى ئۈچۈن ئىزەبەلدىن ئىنتىقام ئالىمەن. ئاخابنىڭ پۈتۈن جەمەتى يوقىتىلىدۇ. مەن ئىسرائىللاردىن ئاخابقا تەۋە ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسىنى قېرى-ياش دېمەي ھالاك قىلىمەن. مەن ئاخابنىڭ جەمەتىنى، نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ جەمەتى ۋە ئاخىيانىڭ ئوغلى باشانىڭ جەمەتىنى يوقاتقاندەك يوقىتىمەن. ئىزەبەلنىڭ جەسىتى يىزرىئەلنىڭ ئېتىزلىرىدا ئىتلارغا يەم بولىدۇ، ئۇنى دەپنە قىلىشقا ئادەم چىقمايدۇ»، _ دېدى، ئاندىن ئىشىكنى ئېچىپ، قېچىپ كەتتى. يېھۇ سەركەردىلىرىنىڭ قېشىغا قايتىپ چىقىۋىدى، ئۇلاردىن بىرى ئۇنىڭدىن: _ ھەممە ئىش ياخشىدۇ؟ بۇ ساراڭ قېشىڭغا نېمىدەپ كەپتۇ؟ _ دەپ سورىدى. ئۇ ئۇلارغا: _ سىلەر ئۇنىڭ قانداق ئادەملىكىنى، ئۇنىڭ قانداق گەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلىسىلەرغۇ، _ دېدى. _ قۇرۇق گەپ قىلماي، بىزگە ئېيتقىنا، _ دېدى ئۇلار. يېھۇ: _ ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگار ئۆزلىرىگە ئېيتىدۇكى: ‹مەن سېنى ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىقىغا تەيىنلىدىم›». ئاندىن ئۇلار دەرھال تونلىرىنى سېلىپ، ئۇنىڭ پۇتىنىڭ ئاستىدىكى پەلەمپەيگە پايانداز قىلدى ۋە بۇرغا چېلىپ، «يېھۇ پادىشاھ بولدى» دەپ جاكارلىدى. شۇنداق قىلىپ يىھوشافاتنىڭ ئوغلى _ نىمشىنىڭ نەۋرىسى يېھۇ يورام پادىشاھقا سۇيىقەست پىلانلىدى. (بۇ چاغدا يورام ۋە پۈتۈن ئىسرائىلىيە قوشۇنى گىلئادتىكى راموتتا ئاررام پادىشاھى خازائېلغا قارشى مۇداپىئەدە تۇرۇۋاتاتتى. لېكىن پادىشاھ يورام ئاررام پادىشاھى خازائېل بىلەن جەڭ قىلغاندا، ئارراملار ئۇنى يارىلاندۇرغانلىقتىن، ئۇ جاراھىتىنى ساقايتىش ئۈچۈن يىزرىئەلگە قايتىپ كەتكەنىدى.) شۇڭا يېھۇ ئادەملىرىگە: _ ئەگەر مېنىڭ پادىشاھ بولۇشۇمنى ئۈمىد قىلساڭلار، بىرەر كىشىنىڭ شەھەردىن ئايرىلىشىغا ياكى يىزرىئەلگە قېچىپ بېرىپ، خەۋەر يەتكۈزۈشىگە يول قويماڭلار، _ دېدى. ئاندىن ئۇ جەڭ ھارۋىسىغا چىقىپ، يىزرىئەلگە باردى. يورام ئۇ يەردە يارىدار بولۇپ ياتقانلىقى ئۈچۈن، يەھۇدىيە پادىشاھى ئاخازيا ئۇنى يوقلاپ كەلگەنىدى. يىزرىئەلدىكى مۇناردا تۇرغان كۆزەتچى يېھۇ قوشۇنىنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ: _ بىر توپ قوشۇن كېلىۋاتىدۇ، _ دېدى. يورام: _ بىر ئاتلىق لەشكەرنى چاقىرىڭلار، ئۇ بېرىپ، ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ، «تىنچ-ئامان كېلىۋاتامسىلەر؟» دەپ سورىسۇن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ئاتلىق لەشكەر يېھۇ بىلەن كۆرۈشكىلى بېرىپ: _ پادىشاھىمىز «تىنچ-ئامان كېلىۋاتامسىلەر؟» دەپ ئەھۋال سوراۋاتىدۇ، _ دېۋىدى، يېھۇ ئۇنىڭغا: _ سالىمىڭنى قويۇپ، ماڭا ئەگەشكىن! _ دېدى. كۆزەتچى بۇنى كۆرۈپ: _ خەۋەرچى ئۇلارنىڭ يېنىغا باردى، لېكىن قايتىپ كەلمىدى، _ دەپ خەۋەر قىلدى. پادىشاھ ئىككىنچى قېتىم يەنە بىر ئاتلىق لەشكەرنى ئەۋەتتى. ئۇ ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ: _ پادىشاھىمىز «تىنچ-ئامان كېلىۋاتامسىلەر؟» دەپ ئەھۋال سوراۋاتىدۇ، _ دېۋىدى، يېھۇ ئۇنىڭغا: _ سالىمىڭنى قويۇپ، ماڭا ئەگەشكىن! _ دېدى. كۆزەتچى بۇنى كۆرۈپ: _ خەۋەرچى ئۇلارنىڭ يېنىغا باردى، لېكىن قايتىپ كەلمىدى. ھارۋا ھەيدىشىدىن قارىغاندا نىمشىنىڭ نەۋرىسى يېھۇدەك قىلىدۇ، ئۇ ھارۋىنى ساراڭدەك ھەيدەيتتى، _ دەپ خەۋەر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن يورام پادىشاھ: _ ھارۋا تەييارلاڭلار، _ دېدى. ئۇلار پادىشاھقا ھارۋا تەييارلاپ بېرىشتى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورام بىلەن يەھۇدىيە پادىشاھى ئاخازيا يېھۇ بىلەن كۆرۈشمەكچى بولۇپ، ھەرقايسىسى ئۆز جەڭ ھارۋىلىرىنى ھەيدەپ، شەھەردىن چىقىشتى. ئۇلار يېھۇ بىلەن يىزرىئەللىك نابوتنىڭ ئېتىزلىقىدا ئۇچراشتى. يورام يېھۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا: _ تىنچ-ئامان كەلدىڭىزمۇ؟ _ دېدى. يېھۇ: _ ئاناڭ ئىزەبەلنىڭ بۇتپەرەسلىكى بىلەن جادۇگەرلىكى شۇنچە جىق تۇرسا، قانداقمۇ تىنچ-ئامانلىق بولسۇن؟ _ دېدى. يورام دەرھال بۇرۇلۇپ، قاچقىنىچە ئاخازياغا: _ ھەي ئاخازيا، بۇ ئاسىيلىق! _ دەپ توۋلىدى. يېھۇ ياسىغا ئوقنى قويۇپ، يورامنىڭ غولىنى چەنلەپ ئېتىۋىدى، ئوق ئۇنىڭ يۈرىكىنى يېرىپ چىقتى. ئۇ ئۆز ھارۋىسىغا يىقىلدى. يېھۇ ياردەمچىسى بىدقارغا: _ ئۇنى كۆتۈرۈپ بېرىپ، يىزرىئەللىك نابوتنىڭ ئېتىزلىقىغا تاشلىۋەت. ئېسىڭدە بولسۇنكى، سەن بىلەن مەن ئۇنىڭ ئاتىسى ئاخابنىڭ كەينىدە جەڭ ھارۋىلىرىنى ھەيدەپ يۈرگەن چاغلىرىمىزدا، پەرۋەردىگار ئاخاب ھەققىدە مۇنداق بىر ۋەھىينى ئېيتقانىدى: «مەنكى پەرۋەردىگار تۈنۈگۈن نابوتنىڭ قېنى بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قېنىنى كۆردۈم. مەن بۇ قان قەرزنى ساڭا مۇشۇ ئېتىزلىقتا ياندۇرىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر». ئەمدى سەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بويىچە ئۇنى كۆتۈرۈپ بېرىپ، ئېتىزلىققا تاشلىۋەت، _ دېدى. يەھۇدىيە پادىشاھى ئاخازيا بۇنى كۆرۈپ، بەيت-ھاگانغا بارىدىغان يول بىلەن قاچتى. يېھۇ ئۇنى قوغلاپ: _ ئۇنىمۇ ئېتىڭلار! _ دېدى. ئۇلار يىبلىئامغا يېقىن بولغان گۇر شەھىرىنىڭ تۆپىلىكىدە ئۇنى ئاتتى. لېكىن ئۇ مىگىددوغا قېچىپ بېرىپ، شۇ يەردە ئۆلدى. خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ جەسىتىنى جەڭ ھارۋىسى بىلەن يېرۇسالېمغا ئېلىپ بېرىپ، ئاتا-بوۋىسىنىڭ يېنىغا، «داۋۇت شەھىرى»دە، ئۇنىڭ ئۈچۈن تەييارلانغان قەبرىگە دەپنە قىلدى. (ئاخابنىڭ ئوغلى _ ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورامنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 11-يىلى ئاخازيا يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولغانىدى.) يېھۇ يىزرىئەلگە باردى. ئىزەبەل بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، كۆزلىرىگە سۈرمە سۈرۈپ، چېچىنى تاراپ، دېرىزىدىن قاراپ تۇردى. يېھۇ دەرۋازىدىن كىرگەن چاغدا ئىزەبەل: _ خوجىسىنى ئۆلتۈرگەن زىمرى، تىنچلىقمۇسەن؟ _ دېدى. يېھۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ، دېرىزىگە قاراپ: _ كىم ماڭا ئەگىشىدۇ؟ كىم؟ _ دېدى. ئىككى-ئۈچ ئاغۋات دېرىزىدىن ئۇنىڭغا قارىدى. يېھۇ ئۇلارغا: _ ئىزەبەلنى يەرگە تاشلاڭلار! _ دېدى، ئۇلار ئىزەبەلنى يەرگە تاشلىدى. ئۇنىڭ قېنى تامغا ۋە ئاتلارغا چاچرىدى، يېھۇ ئات بىلەن ئۇنى دەسسەپ، چەيلىدى. يېھۇ ئۆيگە كىرىپ، يەپ-ئىچىپ، ئاندىن: _ سىلەر بېرىپ، ئاۋۇ قارغىش تەگكۈر خوتۇننى كۆمۈۋېتىڭلار، نېمىلا دېگەنبىلەن ئۇ پادىشاھنىڭ قىزى ئەمەسمۇ، _ دېدى. بىراق ئۇلار جەسەتنى كۆمۈشكە بېرىپ، ئۇنىڭ باش سۆڭىكى ۋە پۇت-قوللىرىدىن باشقا ھېچ نەرسىنى تاپالمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قايتىپ بېرىپ، ئەھۋالنى يېھۇغا ئېيتتى. يېھۇ: _ بۇ دەل پەرۋەردىگارنىڭ، خىزمەتكارى تىشبىلىك ئىلياس ئارقىلىق ئېيتقان سۆزىدۇر: «ئىزەبەلنىڭ جەسىتى يىزرىئەلنىڭ ئېتىزلىرىدا ئىتلارغا يەم بولىدۇ. ئىزەبەلنىڭ ئۆلۈكى يىزرىئەل ئېتىزلىرىدىكى قىغدەك بولۇپ كېتىدۇ، ھېچكىم ئۇنى ‹ماۋۇ ئىزەبەل ئىكەن› دەپ ئېيتالمايدۇ»، _ دېدى. ئاخاب پادىشاھنىڭ سامارىيە شەھىرىدە 70 ئوغلى بار ئىدى. يېھۇ سامارىيەدە تۇرۇۋاتقان يىزرىئەل شەھىرىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا، ئاقساقاللىرىغا ۋە ئاخابنىڭ بالىلىرىغا ھامىيلىق قىلغۇچىلارغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ: «ئاڭلىسام، خوجايىنىڭلارنىڭ ئوغۇللىرى سىلەرنىڭ قېشىڭلاردا ئىكەن، سىلەردە جەڭ ھارۋىلىرى، ئاتلار، سېپىللىرى مۇستەھكەم شەھەر ۋە قورال-ياراغلارمۇ بار ئىكەن. ئەگەر پېتىنساڭلار، بۇ مەكتۇپ قولۇڭلارغا تەگكەن ھامان، خوجايىنىڭلارنىڭ ئوغۇللىرى ئىچىدىن ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ مۇۋاپىق بىرسىنى تاللاپ، ئاتىسىنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزۇڭلار ھەم خوجايىنىڭلارنىڭ جەمەتى ئۈچۈن ماڭا قارشى جەڭگە چىقىڭلار» دېدى. ئۇلار قاتتىق قورققان ھالدا: «ئىككى پادىشاھ يېھۇغا تەڭ كېلەلمىگەن يەردە، بىز قانداقمۇ تەڭ كېلەلەيمىز؟» دېيىشتى. ئوردا غوجىدارى، شەھەر باشلىقى، ئاقساقاللار ۋە ئاخابنىڭ بالىلىرىغا ھامىيلىق قىلغۇچىلار بىرلىشىپ، يېھۇغا: «بىز ئۆزلىرىنىڭ قۇللىرىدۇرمىز، نېمە بۇيرۇسىلا شۇنى ئورۇنلايمىز. ھېچكىمنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىمەيمىز. سىلىنىڭ نەزەرلىرىدە ياخشى بولغان ئىشنى قىلىمىز» دېگەن سۆزنى ئەۋەتتى. يېھۇ ئۇلارغا ئىككىنچى بىر مەكتۇپنى يېزىپ: «ئەگەر سىلەر مەن تەرەپتە تۇرىدىغان، سۆزۈمنى ئاڭلايدىغان بولساڭلار، خوجايىنىڭلارنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا يىزرىئەلگە _ مېنىڭ قېشىمغا كېلىڭلار» دېدى. ئۇ چاغدا ئاخاب پادىشاھنىڭ 70 ئوغلى ئۇلارغا قاراۋاتقان شەھەر ئاقساقاللىرىنىڭ يېنىدا ئىدى. مەكتۇپ ئۇلارغا يەتكەندە، ئۇلار ئاخاب پادىشاھنىڭ 70 ئوغلىنى تۇتۇپ، ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپ، كاللىلىرىنى سېۋەتلەرگە سېلىپ، يىزرىئەلدە تۇرۇۋاتقان يېھۇغا ئەۋەتىپ بەردى. خەۋەرچى كېلىپ، يېھۇغا: _ ئۇلار پادىشاھىنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ كەپتۇ، _ دېدى. يېھۇ: _ شەھەر دەرۋازىسى ئالدىغا ئىككى دۆۋە قىلىپ، دۆۋىلەپ قويۇڭلار، ئەتە ئەتىگەنگىچە تۇرسۇن، _ دېدى. ئەتىسى ئەتىگەندە يېھۇ خەلقنىڭ ئالدىغا چىقىپ: _ سىلەر گۇناھسىز. خوجايىنىمنى مانا مەن سۇيىقەست پىلانلاپ ئۆلتۈردۈم. لېكىن ئوغۇللىرىنى مەن يالغۇز ئۆلتۈرمىدىم. بىلىپ قويۇڭلاركى، پەرۋەردىگارنىڭ ئاخاب جەمەتى توغرىسىدا ئېيتقان سۆزى ھەرگىز ئەمەلگە ئاشماي قالمايدۇ. پەرۋەردىگار ئۆز خىزمەتكارى ئىلياس ئارقىلىق ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىشقا ئاشۇردى، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن يېھۇ يىزرىئەلدە ئاخاب جەمەتىدىن قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى ھەم ئۇنىڭغا خىزمەت قىلغان ئەربابلارنى، تونۇش-بىلىشلىرىنى ۋە روھانىيلىرىنىڭ بىرىنىمۇ تىرىك قالدۇرماي قىرىپ تاشلىدى. يېھۇ سامارىيەگە قاراپ ماڭدى. ئۇ قويچىلار ئۇچرىشىدىغان بەيت-ئېقەدتىن ئۆتكەندە، يەھۇدىيە پادىشاھى ئاخازيانىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئۇچرىتىپ، ئۇلاردىن: _ سىلەر كىم بولىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى. ئۇلار: _ بىز ئاخازيانىڭ تۇغقانلىرى بولىمىز. بىز يورام پادىشاھنىڭ ۋە خان ئانىسى ئىزەبەلنىڭ جەمەتىنىڭ ئالدىغا سالامغا كېتىۋاتىمىز _ دەپ جاۋاب بېرىشتى. يېھۇ: _ ئۇلارنى تىرىك تۇتۇڭلار! _ دېدى. يېھۇنىڭ ئادەملىرى ئۇلارنى تىرىك تۇتۇپ، بەيت-ئېقەدتىكى ئازگالنىڭ يېنىدا 42 ئادەمنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي ئۆلتۈرۈۋەتتى. يېھۇ ئۇ يەردىن ئايرىلدى. يولدا ئۆزى بىلەن كۆرۈشكىلى كېلىۋاتقان رېكابنىڭ ئوغلى يىھوناداب بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، ئۇنىڭغا سالام بەردى ۋە: _ مەن ساڭا سادىق بولغاندەك، سەنمۇ ماڭا سادىقمۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ ھەئە، _ دېدى يېھوناداب. _ ئەگەر شۇنداق بولسا، ئەكەل قولۇڭنى، _ دېدى يېھۇ. يېھوناداب قولىنى ئۇزىتىۋىدى، يېھۇ ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ جەڭ ھارۋىسىغا چىقىرىۋالدى. يېھۇ ئۇنىڭغا: _ مەن بىلەن بىللە بېرىپ، پەرۋەردىگارغا بولغان قىزغىنلىقىمنى كۆرگىن، _ دېدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە جەڭ ھارۋىسىغا چىقتى. ئۇ سامارىيەگە كەلگەندە، پەرۋەردىگارنىڭ ئىلياسقا ئېيتقان سۆزى بويىچە، ئاخابنىڭ جەمەتىدىن قېلىپ قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى قىرىپ تاشلىدى. يېھۇ پۈتۈن خەلقنى جەم قىلىپ، ئۇلارغا: _ ئاخاب بائالنىڭ خىزمىتىنى ئاز قىلغانىدى، لېكىن مەن ئۇنىڭ خىزمىتىنى كۆپ قىلماقچىمەن. شۇڭا بائالنىڭ بارلىق پەيغەمبەرلىرى، چوقۇنغۇچىلىرى ۋە روھانىيلىرىنىڭ بىرنىمۇ قالدۇرماي يىغىڭلار. مەن بائالغا كاتتا بىر قۇربانلىق تەقدىم قىلماقچىمەن. كەلمىگەنلەر تىرىك قالمايدۇ، _ دېدى. يېھۇنىڭ بۇنداق ھىيلە ئىشلىتىشى بائالغا چوقۇنغۇچىلارنى يوقىتىش ئۈچۈن ئىدى. ئۇ يەنە: _ بائالنىڭ شەرىپى ئۈچۈن كاتتا بىر بايرام ئۆتكۈزۈڭلار، دەپ ئېلان چىقاردى. خەلق بۇنى باشقىلارغا يەتكۈزدى. يېھۇ ئىسرائىلىيەنىڭ ھەممە يېرىدە بۇ سۆزنى جاكارلاتتى. بائالنىڭ چوقۇنغۇچىلىرىنىڭ بىرىمۇ قالماي كەلدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بائالنىڭ بۇتخانىسىغا كىردى، ئۇلار بۇتخانىنىڭ بۇ بېشىدىن ئۇ بېشىغىچە لىق تولدى. يېھۇ بۇتخانىدىكى تونلارغا مەسئۇل كىشىگە: _ بائالغا چوقۇنىدىغانلارنىڭ ھەممىسىگە تونلارنى كەلتۈرگىن، _ دېدى. ئۇ ئۇلارغا تون كەلتۈردى. يېھۇ رېكابنىڭ ئوغلى يىھوناداب بىلەن بۇتخانىنىڭ ئىچىگە كىرىپ، بائالنىڭ چوقۇنغۇچىلىرىغا: _ بۇ يەردە بائالغا ئىبادەت قىلغۇچىلارلا قالسۇن، قاراپ بېقىڭلار، ئاراڭلاردا پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلغۇچىلار بولۇپ قالمىسۇن يەنە، _ دېدى. جامائەت كۆيدۈرمە ۋە باشقا قۇربانلىق تەقدىم قىلىشقا باشلىدى. يېھۇ 80 كىشىنى سىرتتا تۇرغۇزۇپ، ئۇلارغا: _ مەن سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا تاپشۇرغان كىشىلەردىن بىرەرسىنى قاچۇرۇپ قويساڭلار، ئۇلارنىڭ ئورنىغا سىلەرنىڭ جېنىڭلارنى ئالىمەن، _ دېگەنىدى. يېھۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى تەقدىم قىلىپ بولۇشىغىلا، ئۇ ياساۋۇللىرىغا ۋە سەركەردىلەرگە: _ سىلەر كىرىپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈڭلار، بىرسىمۇ قېچىپ كەتمىسۇن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ياساۋۇللار ۋە سەركەردىلەر ئۇلارنى قىلىچلاپ ئۆلتۈردى. ئۇلار ئۆلۈكلەرنى سىرتقا تاشلاپ، بائال بۇتخانىسىنىڭ ئىچكىرىكى خانىسىغا كىرىشتى. ئۇلار بائال بۇتخانىسىنىڭ تاش ئابىدىسىنى ئېلىپ چىقىپ، كۆيدۈرۈپ، بۇزۇپ تاشلىدى ۋە بائال بۇتخانىسىنى ۋەيران قىلىۋەتتى. تاكى ھازىرغىچە كىشىلەر ئۇ يەرنى ھاجەتخانا ئورنىدا ئىشلەتمەكتە. يېھۇ ئىسرائىلىيەدە بائالغا چوقۇنۇشنى ئەنە شۇ يوسۇندا تۈگەتتى. لېكىن يېھۇ، نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بەيتەل بىلەن داندىكى ئالتۇندىن ياسالغان موزاي بۇتلارغا چوقۇنۇشقا يېتەكلىگەن گۇناھىنى داۋاملاشتۇردى. پەرۋەردىگار يېھۇغا: _ سەن مېنىڭ نەزىرىمدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئاخابنىڭ جەمەتىنى پۈتۈنلەي مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىدەك بىر تەرەپ قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، سېنىڭ نەسلىڭ تۆتىنچى ئەۋلادقىچە ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرىدۇ، _ دېدى. لېكىن يېھۇ، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ تەۋرات قانۇنىغا پۈتۈن قەلبى بىلەن بويسۇنمىدى. ئۇ ياروبئامنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىگەن گۇناھىنى داۋاملاشتۇردى. شۇ كۈنلەردە پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيە زېمىنىنىڭ دائىرىسىنى كىچىكلىتىشكە باشلىدى. ئاررام پادىشاھى خازائېل ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقايسى چېگرالىرىغا، يەنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى ئارنون دەرياسىغا يېقىن بولغان شەھەر ئاروئېردىن باشلاپ پۈتۈن گىلئاد ۋە باشان زېمىنلىرىگىچە ھۇجۇم قىلدى ۋە ئۇ يەردىكى گادلارنىڭ، رۇبېنلارنىڭ ۋە شەرقىي ماناسسە قەبىلىلىرىنىڭ بارلىق زېمىنلىرىنى بېسىۋالدى. يېھۇ پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى، پائالىيەتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن ھەممە نەتىجىلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. يېھۇ ۋاپات بولۇپ، سامارىيەدە دەپنە قىلىندى. يېھۇنىڭ ئوغلى يىھوئاخاز ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلدى. يېھۇ پادىشاھ سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە 28 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. پادىشاھ ئاخازيانىڭ ئانىسى ئاتاليا ئوغلىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، پادىشاھلىق جەمەتىنىڭ بارلىق ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈش نىيىتىگە كەلدى. لېكىن پادىشاھ يىھورامنىڭ قىزى، يەنى ئاخازيانىڭ سىڭلىسى بولغان يىھوشەبا پادىشاھ ئاخازيانىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغان ئوغۇللىرى ئارىسىدىن يوئاش ئىسىملىك ئوغلىنى ئېلىپ چىقىپ، ئۇنى ئىنىكئانىسى بىلەن بىرگە كىچىك بىر ھۇجرىغا يوشۇرۇپ قويدى. بالا ئاتاليادىن يوشۇرۇلۇپ قالغاچقا، قەتل قىلىنمىدى. ئاتاليا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە يوئاش بىلەن ئۇنىڭ ئىنىكئانىسى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئالتە يىل يوشۇرۇنۇپ تۇردى. يەتتىنچى يىلى باش روھانىي يىھويادا كارلىقلاردىن تەركىب تاپقان ياللانما لەشكەرلەر ۋە مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ يۈزبېشىلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا يىغدى. باش روھانىي ئۇلار بىلەن ئۆزىنىڭ پىلانى ھەققىدە كېلىشتى ۋە ئۇلارغا قەسەم ئىچكۈزدى. ئۇ ئۇلارغا پادىشاھنىڭ ئوغلى يوئاشنى كۆرسىتىپ، مۇنداق بۇيرۇق بەردى: _ سىلەر مۇنداق قىلىڭلار، كېلەركى دەم ئېلىش كۈنى نۆۋەتچىلىك قىلىدىغانلاردىن ئۈچتىن بىرىڭلار پادىشاھ ئوردىسىنى مۇھاپىزەت قىلىڭلار. يەنە بىر ئۈچتىن بىرىڭلار «سۇر دەرۋازىسى»دا مۇھاپىزەتتە تۇرۇڭلار، قالغان ئۈچتىن بىرىڭلار مۇھاپىزەتخانىنىڭ ئارقىسىدىكى دەرۋازىدا مۇھاپىزەتتە تۇرۇڭلار. سىلەر نۆۋەت بىلەن ئىبادەتخانىنى ساقلاڭلار. كېلەركى دەم ئېلىش كۈنى نۆۋەتچىلىك قىلمايدىغان ئىككى بۆلەكتىكىلەرنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا، پادىشاھلىق تەختىگە چىقىدىغان يوئاشنى مۇھاپىزەت قىلسۇن. ھەممىڭلار قوراللىنىپ، ئۇنىڭ تۆت ئەتراپىدا تۇرۇپ، ئۇنى قوغداڭلار. بىرەرسى سېپىڭلارغا يېقىنلاشماقچى بولسا، ئۆلتۈرۈلسۇن. يوئاش چىقىپ-كىرىپ يۈرگىنىدە، سىلەر ئۇنىڭ يېنىدىن ئايرىلماڭلار. يۈزبېشىلار باش روھانىي يىھويادانىڭ بۇيرۇقلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىجرا قىلىشتى. شۇ دەم ئېلىش كۈنىدە مەيلى نۆۋەتچىلىكتىن چۈشكەنلەر، مەيلى نۆۋەتچىلىككە چىققانلار بولسۇن، ھەممىسى ئۆز ئادەملىرىنى ئېلىپ، روھانىي يىھويادانىڭ قېشىغا كېلىشتى. روھانىي يىھويادا بۇرۇن داۋۇت پادىشاھقا تەۋە بولغان، ھازىر ئىبادەتخانىدا ساقلىنىۋاتقان نەيزە ۋە قالقانلارنى يۈزبېشىلارغا بەردى. مۇھاپىزەتچىلەر قوللىرىدا قورال-ياراغلىرىنى تۇتقان ھالدا ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدا، جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان ھالەتتە قۇربانلىق سۇپىسى ۋە يوئاشنى چۆرىدەپ تۇرۇشتى. يىھويادا پادىشاھنىڭ ئوغلى يوئاشنى ئېلىپ چىقىپ، بېشىغا تاج كىيدۈردى. ئۇنىڭغا تەۋرات قانۇنىنى تاپشۇرۇپ، ئۇنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. ئۇلار ئۇنىڭ بېشىغا زەيتۇن يېغىنى قۇيدى. خەلق چاۋاك چېلىشىپ، «ياشىسۇن پادىشاھ!» دەپ توۋلاشتى. ئاتاليا مۇھاپىزەتچىلەر ۋە خەلقنىڭ توۋلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئىبادەتخانىغا يىغىلغان كىشىلەرنىڭ يېنىغا باردى. ئۇ يوئاشنىڭ خۇددى پادىشاھلاردەك تۈۋرۈكنىڭ يېنىدا، يۈزبېشىلار ۋە كانايچىلارنىڭ ئارىسىدا تۇرغانلىقىنى، خەلقنىڭ خۇشاللىققا چۆمۈپ، كاناي چېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كىيىملىرىنى يىرتتى ۋە «ئاسىيلىق، ئاسىيلىق!» دەپ ۋارقىراپ كەتتى. يىھويادا ئاتاليانىڭ ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىدا ئۆلتۈرۈلۈشىنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن، قوشۇننىڭ يۈزبېشىلىرىغا: _ بۇ خوتۇننى ئېلىپ چىقىپ كېتىڭلار! كىمكى ئۇنىڭغا ئەگىشىدىكەن، ئۇنى چېپىپ تاشلاڭلار، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى ئېلىپ چىقىپ، ئوردىنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە ئۇنى ئاتلىقلار كىرىدىغان دەرۋازىدا ئۆلتۈرۈۋەتتى. يىھويادا يەھۇدىيە خەلقى پەرۋەردىگارنىڭ سادىق خەلقى بولسۇن دەپ، پادىشاھ، خەلق ۋە پەرۋەردىگار ئوتتۇرىسىدا ئەھدە تۈزدى. ئۇ يەنە پادىشاھ بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدىمۇ ئەھدە تۈزدۈردى. ئاندىن پۈتۈن خەلق بائال بۇتخانىسىغا بېرىپ، بۇتخانىنى چېقىۋېتىشتى. ئۇلار بائالنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرى ۋە بۇتلىرىنى پارچە-پارچە قىلىپ، بائالنىڭ روھانىيسى ماتتاننى قۇربانلىق سۇپىلىرى ئالدىدا ئۆلتۈردى. يىھويادا يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا مۇھاپىزەتچىلەرنى تۇرغۇزدى. ئۇ يەنە يۈزبېشىلار، كارلىقلار، مۇھاپىزەتچىلەرنى ۋە شۇ يەردىكى پۈتۈن خەلقنى باشلاپ، پادىشاھنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن ئېلىپ چىقىپ، مۇھاپىزەتچىلەر دەرۋازىسى ئارقىلىق ئوردىغا كىردى. ئاندىن يوئاش پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇردى. پۈتۈن خەلق خۇشاللىققا چۆمۈپ، شەھەر خاتىرجەم بولدى. چۈنكى ئاتاليا ئوردىدا قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈلگەنىدى. يوئاش تەختكە چىققان چاغدا يەتتە ياش ئىدى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى يېھۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ يەتتىنچى يىلى يوئاش يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولۇپ، يېرۇسالېمدا 40 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى بەئەرشەبا شەھىرىدىن بولۇپ، ئىسمى زىبياھ ئىدى. يوئاش باش روھانىي يىھويادانىڭ ۋاقتىدا، ئۇنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. بىراق غەيرىي سەجدىگاھلار يوقىتىۋېتىلمىدى. خەلق يەنىلا ئۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلىپ، ئىسرىق سېلىشنى داۋاملاشتۇردى. يوئاش روھانىيلارغا مۇنداق دېگەنىدى: _ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ھەدىيە قىلىدىغان پۇللارنى، يەنى مەيلى ئادەملەرنى رويخەتكە ئېلىش ھەققى بولسۇن، مەيلى ئادەم ئورنىغا بېرىلىدىغان تۆلەم پۇلى ياكى خالىس قىلىنىدىغان ھەدىيە بولسۇن ھەممىسىنى يىغىپ كېلىڭلار. سىلەر روھانىيلار تەقدىم قىلىنغان بۇ پۇللارنى ئېلىپ، ئىبادەتخانىنىڭ قايسى يېرى بۇزۇلغان بولسا، شۇ يەرنى ئوڭشىتىڭلار. لېكىن يوئاش پادىشاھ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 23-يىلىغا كەلگەندىمۇ روھانىيلار ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى تېخىچە ئوڭشاتمىغانىدى. شۇ سەۋەبتىن پادىشاھ يوئاش باش روھانىي يىھويادا ۋە باشقا روھانىيلارنى چاقىرتىپ: _ سىلەر نېمە ئۈچۈن ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشاتمايسىلەر؟ شۇڭا تەقدىم قىلغۇچىلاردىن توپلىنىدىغان پۇللارنى ئەمدى سىلەر ساقلىماڭلار، ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشىتىش ئۈچۈن توپلانغان پۇللارنى تاپشۇرۇڭلار، _ دېدى. روھانىيلار خەلقتىن توپلانغان پۇللارنى ساقلاش ۋە ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشىتىشقا مەسئۇل بولماسلىققا ماقۇل بولدى. باش روھانىي يىھويادا بىر ساندۇق ياسىتىپ، ئۇنىڭ قاپقىقى ئۈستىدىن بىر تۆشۈك ئېچىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىغا، ئىبادەتخانا ھويلىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە قويۇپ قويدى. مۇھاپىزەتچى روھانىيلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ھەدىيە قىلىنغان پۇلنىڭ ھەممىسىنى شۇ ساندۇققا سالىدىغان بولدى. ساندۇق پۇلغا تولغان ھامان پادىشاھنىڭ خەزىنىچىسى بىلەن باش روھانىي كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ھەدىيە قىلىنغان بۇ پۇللارنى ساناپ، خالتىغا سالاتتى. ئۇلار ساناپ چىقىلغان پۇلنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا مەسئۇل قۇرۇلۇش نازارەتچىلىرىگە تاپشۇراتتى. ئاندىن نازارەتچىلەر بۇ پۇل بىلەن ئىبادەتخانىدا ئىشلەۋاتقان ياغاچچىلار، قۇرۇلۇشچىلار، تامچىلار ۋە تاشچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى تۆلەيتتى. ئۇلار يەنە ياغاچلار ۋە يونۇپ تەييارلانغان تاشلارنى سېتىۋالاتتى ۋە ئىبادەتخانىنىڭ بارلىق بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشىتىشقا كەتكەن چىقىملارنىڭ ھەممىسىنى تۆلەيتتى. لېكىن ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كېلىنگەن پۇللارغا ئىبادەتخانىدا ئىشلىتىلىدىغان كۈمۈش پىيالە، پىلىك قايچىسى، داس، كاناي ياكى ھەرقانداق ئالتۇن-كۈمۈش بۇيۇملار ياسىتىلماي، بۇ پۇل قۇرۇلۇش نازارەتچىلىرىگە بېرىلىپ، ئىبادەتخانىنى ئوڭشىتىشقا ئىشلىتىلەتتى. ئىشچىلارغا ئىش ھەققى بېرىش ئۈچۈن نازارەتچىلەرگە بېرىلگەن پۇلنىڭ ھېساب-كىتابى قىلىنمايتتى. چۈنكى ئۇلار ئىشنى سەمىمىيلىك بىلەن قىلاتتى. لېكىن ئەيىبنى يۇيۇش ئۈچۈن ۋە گۇناھىنىڭ كەچۈرۈم قىلىشى ئۈچۈن قىلىنىدىغان قۇربانلىقلارنىڭ پۇلى ئىبادەتخانىغا بېرىلمەيتتى، ئۇلار روھانىيلارغا تەۋە ئىدى. ئۇ چاغلاردا ئاررام پادىشاھى خازائېل گاتقا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەرنى ئىگىلىۋالدى. ئۇ يەنە يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن يېقىنلاپ كەلدى. يەھۇدىيە پادىشاھى يوئاش يەھۇدىيەنىڭ ئىلگىرىكى پادىشاھلىرى بولغان ئاتا-بوۋىلىرىدىن يىھوشافات، يىھورام، ئاخازيالار ۋە ئۆزى پەرۋەردىگارغا تەقدىم قىلغان بارلىق مۇقەددەس بۇيۇملارنى، شۇنىڭدەك پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ۋە ئوردا خەزىنىلىرىدىكى بارلىق ئالتۇنلارنى ئېلىپ، ئاررام پادىشاھى خازائېلغا ئەۋەتىپ بەردى. ئاندىن خازائېل يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلماي چېكىندى. يوئاش پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. يوئاشنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلىپ، ئۇنى سىللاغا بارىدىغان يولدا، تىندۇرۇلغان يەرنىڭ يېنىدىكى ئۆيدە قەتل قىلدى. ئۇنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن ئەمەلدارلارنىڭ بىرى شىمئاتنىڭ ئوغلى يوزاباد، يەنە بىرى شومېرنىڭ ئوغلى يىھوزاباد ئىدى. يوئاش ئاتا-بوۋىسىنىڭ يېنىغا، «داۋۇت شەھىرى»گە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئامازيا ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلدى. ئاخازيانىڭ ئوغلى _ يەھۇدىيە پادىشاھى يوئاشنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 23-يىلى يېھۇنىڭ ئوغلى يىھوئاخاز سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇپ، 17 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، گۇناھلاردىن قول ئۈزمەي، نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىگەن گۇناھىنى داۋاملاشتۇردى. شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا غەزەپلىنىپ، ئۇلارنى ئۇزۇن ۋاقىت ئاررام پادىشاھى خازائېلنىڭ ۋە خازائېلنىڭ ئوغلى بەنھادادنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن يىھوئاخاز پەرۋەردىگاردىن شەپقەت تىلىدى. پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئاررام پادىشاھى تەرىپىدىن ئېزىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەچكە، ئۇنىڭ تىلىكىنى ئىجابەت قىلدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا بىر قۇتقۇزغۇچى ئەۋەتىشى نەتىجىسىدە ئۇلار ئارراملارنىڭ قولىدىن قېچىپ قۇتۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئاۋۋالقىدەكلا ئۆز يۇرتىدا ياشاپ قالدى. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇلار ياروبئام جەمەتىنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىگەن گۇناھىدىن قول ئۈزمىدى، شۇ گۇناھلارنى داۋاملاشتۇرىۋەردى. ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتىمۇ سامارىيەدە تۇرىۋەردى. ئاررام پادىشاھى ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاخازنىڭ قوشۇنىنى خۇددى خاماننى دەسسەپ چەيلىگەندەك چەيلەپ ۋەيران قىلغاچقا، ئاخىرى ئۇلاردىن پەقەت ئەللىك ھارۋىلىق لەشكەر، ئون جەڭ ھارۋىسى ۋە ئون مىڭ پىيادە لەشكەرلا قالغانىدى. يىھوئاخاز پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى، پائالىيەتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. يىھوئاخاز ۋاپات بولۇپ، سامارىيەگە دەپنە قىلىندى. ئۇنىڭ ئوغلى يىھوئاش ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلدى. يەھۇدىيە پادىشاھى يوئاشنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 37-يىلى يىھوئاخازنىڭ ئوغلى يىھوئاش سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇپ، 16 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىگەن گۇناھىدىن قول ئۈزمەي، داۋاملىق گۇناھ ئۆتكۈزدى. يوئاش پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى، پائالىيەتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى، جۈملىدىن ئۇنىڭ يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازيا بىلەن قىلغان ئۇرۇشلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. يىھوئاش ۋاپات بولدى. ياروبئام II ئۇنىڭ تەختىگە ئولتۇردى. يىھوئاش سامارىيەدە ئىلگىرىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ قېشىغا دەپنە قىلىندى. ئېلىشا سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندا، ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاش ئۇنى يوقلاپ كېلىپ: _ ئاتا! ئاتا! ئۆزلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ جەڭ ھارۋىسى ۋە ھارۋىلىق جەڭچىسى ئىدىلەغۇ! _ دەپ يىغلاپ كەتتى. ئېلىشا ئۇنىڭغا: _ يا بىلەن بىرقانچە ئوق ئېلىپ كەل! _ دېدى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئۇنىڭغا يا بىلەن ئوقلارنى ئەكەلدى. ئېلىشا ئۇنىڭغا: _ يانى قولۇڭغا ئال! _ دېدى. يىھوئاش يانى قولىغا ئالدى. ئاندىن ئېلىشا قولىنى پادىشاھنىڭ قولىغا قويدى. ئېلىشا: _ شەرق تەرەپتىكى دېرىزىنى ئاچ، _ دېدى. يىھوئاش ئاچتى. ئاندىن ئېلىشا ئۇنىڭغا: _ ئوقنى ئات! _ دېدى. ئۇ ئاتتى. ئېلىشا ئۇنىڭغا: _ بۇ پەرۋەردىگارنىڭ غەلىبە ئوقى، ئاررامنى مەغلۇپ قىلىدىغان غەلىبە ئوقى! سەن ئافېقتا ئارراملارنى پۈتۈنلەي يوقىتىسەن، _ دېدى. ئۇ يەنە: _ ئوق! _ دېدى. پادىشاھ ئوقنى قولىغا ئالدى. ئۇ ئىسرائىلىيە پادىشاھىغا: _ يەرگە ئۇر! _ دېدى، ئۇ يەرگە ئۈچ مەرتەم ئۇرۇپ، توختىدى. شۇنىڭ بىلەن خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئۇنىڭغا ئاچچىقلىنىپ: _ سەن ئەسلى بەش ياكى ئالتە قېتىم ئۇرۇشۇڭ كېرەك ئىدى، شۇنداق قىلغان بولساڭ، ئارراملارنى پۈتۈنلەي مەغلۇپ قىلاتتىڭ. ئەمدى سەن ئارراملارنى ئۈچ قېتىملا مەغلۇپ قىلالايسەن، _ دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئېلىشا ئالەمدىن ئۆتۈپ، دەپنە قىلىندى. ئۇ چاغلاردا موئابلار ھەر يىلى ئەتىيازدا ئىسرائىلىيە زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلاتتى. كىشىلەر بىر كۈنى بىر ئۆلۈكنى دەپنە قىلىۋاتقاندا، توساتتىن بىر توپ تاجاۋۇزچىلارنى كۆرۈپ قالدى-دە، ئۆلۈكنى ئېلىشا ياتقان شام گۆرگە تاشلاپ قاچتى. ئەمما جەسەت ئېلىشانىڭ مېيىت سۆڭەكلىرىگە تېگىشى بىلەنلا تىرىلىپ، دەس تۇرۇپ كەتتى. يىھوئاخاز ھۆكۈمرانلىق قىلغان چاغدا ئىسرائىللار ئاررام پادىشاھى خازائېل تەرىپىدىن قايتا-قايتا زۇلۇمغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ ئىلتىپاتى، مېھىر-شەپقىتى ۋە ئېتىبارىغا ئېرىشىپ كەلدى، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارنىڭ ئەجدادى بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپ بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى بار ئىدى. شۇڭا پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنى تاكى شۇ دەۋرىگىچە خاراب قىلىشنى ۋە ئۆز ھۇزۇرىدىن قوغلاشنى خالىمىغانىدى. ئاررام پادىشاھى خازائېل ۋاپات بولدى. ئوغلى بەنھاداد ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلدى. خازائېل ئۇرۇش ۋاقتىدا يىھوئاخازنىڭ قولىدىن بىرنەچچە شەھەرلەرنى تارتىۋالغانىدى. ئەمدى يىھوئاخازنىڭ ئوغلى يىھوئاش خازائېلنىڭ ئوغلى بەنھادادنى ئۈچ قېتىم مەغلۇپ قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ قولىدىن كەتكەن شەھەرلىرىنى قايتۇرۇۋالدى. يىھوئاخازنىڭ ئوغلى _ ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاشنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئىككىنچى يىلى يوئاشنىڭ ئوغلى ئامازيا يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 25 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 29 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى يېرۇسالېملىق بولۇپ، ئىسمى يىھوئاددان ئىدى. ئامازيا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلسىمۇ، لېكىن ئەجدادى داۋۇتنىڭكىگە يەتمەيتتى. ھەممىلا ئىشنى ئاتىسى يوئاشتەك قىلغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا غەيرىي سەجدىگاھلار يوقىتىۋېتىلمىدى. خەلق يەنىلا ئۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلىپ، ئىسرىق سېلىشنى داۋاملاشتۇردى. ئامازيا پادىشاھلىقنى مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن، ئاتىسىنى قەتل قىلغان ئەمەلدارلارنى ئۆلتۈردى. لېكىن قاتىللارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرمىدى، چۈنكى مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنى يازمىسىدا پەرۋەردىگارنىڭ: «ئوغلىنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن ئاتىسىنى ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ، ئاتىسىنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن ئوغلىنى ئۆلتۈرۈشكىمۇ بولمايدۇ. ھەركىم ئۆز گۇناھى ئۈچۈن ئۆلۈشى كېرەك» دېگەن ئەمرى يېزىلغانىدى. ئامازيا تۇز جىلغىسىدا ئون مىڭ ئىدوملۇقنى ئۆلتۈردى. سەلا شەھىرىنى جەڭ قىلىپ ئىشغال قىلدى. ئۇنىڭ ئىسمىنى يوقتىئېلغا ئۆزگەرتتى. بۇ شەھەر تاكى ھازىرغىچە شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە. شۇنىڭدىن كېيىن ئامازيا يىھوئاخازنىڭ ئوغلىغا _ يېھۇنىڭ نەۋرىسى ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاشقا ئەلچىلەر ئەۋەتىپ: _ بىز جەڭگاھتا كۆرۈشەيلى! _ دېدى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاش ئەلچى ئەۋەتىپ، يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازياغا مۇنداق دېدى: _ لىۋان تاغلىرىدا بىر تىكەن كېدىر دەرىخىگە: «قىزىڭنى ئوغلۇمغا خوتۇنلۇققا بەر» دەپتۇ. لېكىن لىۋان تاغلىرىدىكى بىر ياۋايى ھايۋان ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، تىكەننى چەيلىۋېتىپتۇ. شۇنداق، سىز ئىدوملۇقلارنى مەغلۇپ قىلدىڭىز. شۇ سەۋەبتىن ھاكاۋۇرلىشىپ كەتتىڭىز. ئەمدى نەتىجىڭىزدىن ماختىنىپ، ئۆيىڭىزدە ئولتۇرسىڭىز بولاتتى. نېمىدەپ چاتاق تېرىپ، ئۆزىڭىزنى گۇمران قىلىش بىلەن بىللە يەھۇدىيەنىمۇ گۇمران قىلاي دەيسىز؟ لېكىن ئامازيا ئۇنىڭ گېپىگە قۇلاق سالمىدى. شۇڭا ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاش يەھۇدىيە تەۋەسىدىكى بەيت-شەمەشتە يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازيا بىلەن ئۇرۇشتى. يەھۇدىيەلىكلەر ئىسرائىلىيەلىكلەر تەرىپىدىن مەغلۇپ بولۇپ، ھەممىسى ئۆز ئۆيلىرىگە قېچىپ كېتىشتى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاش يوئاشنىڭ ئوغلى، يەنى ئاخازيانىڭ نەۋرىسى يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازيانى بەيت-شەمەشتە تۇتۇۋالدى. يىھوئاش يېرۇسالېمغا كېلىپ، يېرۇسالېمنىڭ «ئەفرايىم دەرۋازىسى»دىن «بۇلۇڭ دەرۋازىسى»غىچە بولغان ئارىلىقتىكى جەمئىي 200 مېتىردەك سېپىلىنى بۇزۇۋەتتى. ئۇ يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ۋە ئوردا خەزىنىلىرىدىكى بارلىق ئالتۇن-كۈمۈش ۋە بۇيۇملارنى ھەم گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى ئېلىپ، سامارىيەگە قايتتى. يىھوئاش پادىشاھنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى، پائالىيەتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى، جۈملىدىن ئۇنىڭ يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازيا بىلەن قىلغان ئۇرۇشى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. يىھوئاش ۋاپات بولۇپ، سامارىيەدە ئىلگىرىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ قېشىغا دەپنە قىلىندى. ئوغلى ياروبئام II ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى. يىھوئاخازنىڭ ئوغلى ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاش ئۆلگەندىن كېيىن، يوئاشنىڭ ئوغلى يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازيا يەنە 15 يىل ئۆمۈر كۆردى. ئامازيا پادىشاھنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. يېرۇسالېمدا بەزىلەر ئۇنىڭغا سۇيىقەست پىلانلىغاندا، ئۇ لاكىش شەھىرىگە قېچىپ كەتتى. لېكىن ئۇلار لاكىشقا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى شۇ يەردە ئۆلتۈردى. ئۇنىڭ جەسىتى ئاتقا ئارتىلىپ، قايتۇرۇپ كېلىنىپ، يېرۇسالېمدىكى «داۋۇت شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى. پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقى 16 ياشلىق ئۇززىيانى ئاتىسى ئامازيانىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. ئامازيا ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇززىيا ئېلات شەھىرىنى يەھۇدىيەگە قايتۇرۇپ كېلىپ، قايتىدىن ياسىدى. يوئاشنىڭ ئوغلى _ يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 15-يىلى يىھوئاشنىڭ ئوغلى ياروبئام II سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇپ، 41 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىگەن گۇناھىنى داۋاملاشتۇردى. ياروبئام II خۇددى پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ئۆز خىزمەتكارى، ئامىتتاينىڭ ئوغلى گاتخېفەرلىك يۇنۇس پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقىنىدەك، ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدىكى لىبو-خامات شەھىرىدىن تارتىپ تاكى جەنۇبتىكى ئۆلۈك دېڭىزغىچە بولغان ئارىلىقتىكى زېمىنلىرىنى قايتۇرۇۋالدى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەدىكى قېرى-ياش ھەممىسىنىڭ ئەرزىيەت چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرگەنىدى. ئۇلارغا ياردەم بېرىدىغان ھېچكىممۇ قالمىغانىدى. پەرۋەردىگار ئىسرائىل خەلقىنىڭ نامىنى يەر يۈزىدىن ئۆچۈرۈۋەتمەسلىكنى ئىرادە قىلغاچقا، يىھوئاشنىڭ ئوغلى ياروبئام IIنىڭ قولى ئارقىلىق ئۇلارنى قۇتقۇزدى. پادىشاھ ياروبئام IIنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى، پائالىيەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇشلاردا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى، جۈملىدىن بۇرۇن داۋۇتنىڭ پادىشاھلىقىغا تەۋە بولغان دەمەشق ۋە خاماتنى قانداق قىلىپ ئىسرائىلىيەگە قايتۇرۇپ كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى ۋەقەلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. ياروبئام ۋاپات بولۇپ، ئىلگىرىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ قېشىغا دەپنە قىلىندى. ئوغلى زىكىرىيا ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلدى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى ياروبئام IIنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 27-يىلى ئامازيانىڭ ئوغلى ئۇززىيا يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 16 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 52 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى يېرۇسالېملىق بولۇپ، ئىسمى يىكوليا ئىدى. ئۇززىيا ئاتىسى ئامازياغا ئوخشاشلا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. بىراق غەيرىي سەجدىگاھلار يوقىتىۋېتىلمىدى. خەلق يەنىلا ئۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلىپ، ئىسرىق سېلىشنى داۋاملاشتۇردى. پەرۋەردىگار پادىشاھقا زەربە بېرىپ، ئۇنى تاكى ئۆلگۈچە تېرە كېسىلىگە گىرىپتار قىلىپ قويدى. شۇڭا ئۇ ئايرىم ئۆيدە تۇردى. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئوغلى يوتەم ئوردا ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ، خەلققە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ تۇردى. ئۇززىيا پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. ئۇززىيا ۋاپات بولۇپ، ئاتا-بوۋىسىنىڭ يېنىغا، «داۋۇت شەھىرى»گە دەپنە قىلىندى. ئوغلى يوتەم ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلدى. يەھۇدىيە پادىشاھى ئۇززىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 38-يىلى ياروبئام IIنىڭ ئوغلى زىكىرىيا ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇپ، سامارىيەدە ئالتە ئاي ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىغا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىگەن گۇناھىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن قول ئۈزمىدى. يابېشنىڭ ئوغلى شاللۇم زىكىرىياغا سۇيىقەست پىلانلاپ، خەلق ئالدىدا ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. زىكىرىيا پادىشاھنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. پەرۋەردىگارنىڭ يېھۇغا «سېنىڭ نەسلىڭ تۆتىنچى ئەۋلادقىچە ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرىدۇ» دېگەن سۆزى دەرۋەقە ئەمەلگە ئاشتى. يەھۇدىيە پادىشاھى ئۇززىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 39-يىلى يابېشنىڭ ئوغلى شاللۇم ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇپ، سامارىيەدە بىر ئاي ھۆكۈمرانلىق قىلدى. گادىنىڭ ئوغلى مىناخېم تىرزاھ شەھىرىدىن چىقىپ، سامارىيەگە كېلىپ، يابېشنىڭ ئوغلى شاللۇمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. شاللۇم پادىشاھنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە قىلغان سۇيىقەستى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. ئۇ چاغدا تىفساخ شەھىرىدىكىلەر مىناخېمغا دەرۋازىسىنى ئېچىپ بەرمىگەچكە، ئۇ تىرزاھ شەھىرىدىن تىفساخ شەھىرىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق يەرلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەردىكى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ھەممىسىنىڭ قارنىنى يېرىۋەتتى. يەھۇدىيە پادىشاھى ئۇززىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 39-يىلى گادىنىڭ ئوغلى مىناخېم ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇپ، سامارىيەدە ئون يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئۆمۈر بويى نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىگەن گۇناھىنى داۋاملاشترۇرۇپ، ئۇنىڭدىن قول ئۈزمىدى. ئاسسۇر پادىشاھى تىگلات-پىلئەسەر ئىسرائىلىيە زېمىنىغا ھۇجۇم قىلدى، مىناخېم تىگلات-پىلئەسەرگە 36 توننا كۈمۈش بېرىپ، ئۇنىڭدىن پادىشاھلىق ئورنىنى ساقلاپ قېلىشنى ئۆتۈندى. مىناخېم ئاسسۇر پادىشاھىغا بېرىلگەن پۇلنى ئىسرائىلىيەلىكلەرگە، يەنى بارلىق بايلارغا كىشى بېشىغا 600 گىرامدىن چاچتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئاسسۇر پادىشاھى ئىسرائىلىيە زېمىنىدا تۇرماي قايتىپ كەتتى. مىناخېم پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. مىناخېم ۋاپات بولدى. ئوغلى پىقاخيا ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى. يەھۇدىيە پادىشاھى ئۇززىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 50-يىلى مىناخېمنىڭ ئوغلى پىقاخيا سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇپ، ئىككى يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىگەن گۇناھىنى داۋاملاشترۇرۇپ، ئۇنىڭدىن قول ئۈزمىدى. پادىشاھ پىقاخيانىڭ سەركەردىسى، رىماليانىڭ ئوغلى بولغان پەقاخ ئۆزىگە 50 گىلئادلىق كىشىنى ھەمراھ قىلىپ، ئارگوب ۋە ئاريېھ بىلەن بىرلىكتە سۇيىقەست پىلانلىدى. ئۇ سامارىيەدىكى ئوردا ئىچىگە جايلاشقان قەلئەدە پادىشاھ پىقاخيانى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، ئورنىغا ئۆزى پادىشاھ بولدى. پىقاخيا پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. يەھۇدىيە پادىشاھى ئۇززىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 52-يىلى رىماليانىڭ ئوغلى پەقاخ سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇپ، 20 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىگەن گۇناھىنى داۋاملاشترۇرۇپ، ئۇنىڭدىن قول ئۈزمىدى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى پەقاخنىڭ زامانىدا، ئاسسۇر پادىشاھى تىگلات-پىلئەسەر ئىيون، بەيت-مائاكادىكى ئابېل، يانوۋاخ، قەدەش، خازور شەھەرلىرى، گىلئاد بىلەن جەلىلىيە زېمىنلىرى ۋە نافتالى قەبىلىسىنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى ئىگىلەپ، خەلقىنى ئەسىر قىلىپ، ئاسسۇرغا ئېلىپ كەتتى. ئۇززىيانىڭ ئوغلى يەھۇدىيە پادىشاھى يوتەمنىڭ 20-يىلى ئەلاھنىڭ ئوغلى ھوشىيا رىماليانىڭ ئوغلى پەقاخقا سۇيىقەست پىلانلاپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزى پادىشاھ بولدى. پەقاخ پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. رىماليانىڭ ئوغلى _ ئىسرائىلىيە پادىشاھى پەقاخنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئىككىنچى يىلى ئۇززىيانىڭ ئوغلى يوتەم يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 25 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 16 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى زادوقنىڭ قىزى يىرۇشا ئىدى. يوتەم ئاتىسى ئۇززىياغا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. بىراق غەيرىي سەجدىگاھلار يوقىتىۋېتىلمىدى. خەلق يەنىلا ئۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلىپ، ئىسرىق سېلىشنى داۋاملاشتۇردى. يوتەم پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىسىنىڭ يۇقىرى تەرىپىگە جايلاشقان دەرۋازىسىنى ياساتتى. يوتەم پادىشاھنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. شۇ ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگار ئاررام پادىشاھى رىزىن بىلەن رىماليانىڭ ئوغلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى پەقاخنى يەھۇدىيەگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتىشكە باشلىدى. يوتەم ۋاپات بولۇپ، ئەجدادى داۋۇتنىڭ نامىدا ئاتالغان «داۋۇت شەھىرى»گە، ئاتا-بوۋىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئاخاز ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى. رىماليانىڭ ئوغلى _ ئىسرائىلىيە پادىشاھى پەقاخنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 17-يىلى يوتەمنىڭ ئوغلى ئاخاز يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى. ئاخاز تەختكە چىققان چاغدا 20 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 16 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئەجدادى داۋۇت دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئاخاز پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلماي، ئەكسىچە ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ يولىغا كىرىپ كەتتى. ئۇ، پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا ھەيدەپ چىقىرىۋەتكەن يات ئەللەرنى دوراپ، يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلدى، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئوغلىنىمۇ قۇربانلىق قىلىپ، ئوتتا كۆيدۈردى. ئۇ غەيرىي سەجدىگاھلاردا، ئېگىزلىكلەردە ۋە ھەربىر باراقسان ئۆسكەن دەرەخ تۈۋىدە قۇربانلىق قىلىپ، ئىسرىق سالدى. شۇ چاغدا ئاررام پادىشاھى رىزىن بىلەن ئىسرائىلىيە پادىشاھى رىماليانىڭ ئوغلى پەقاخ يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلدى. ئۇلار ئاخازنى قورشىۋالغان بولسىمۇ، لېكىن يېڭەلمىدى. بۇ چاغدا ئاررام پادىشاھى رىزىن ئېلات شەھىرىنى ئاررامنىڭ تەۋەلىكىگە قايتۇرۇپ كېلىپ، يەھۇدىيەلىكلەرنى ئۇ يەردىن قوغلاپ چىقاردى. ئاندىن ئىدوملۇقلار ئېلاتقا كېلىپ ئولتۇراقلاشتى، ئۇلار تاكى ھازىرغىچە شۇ يەردە ياشماقتا. ئاخاز ئاسسۇر پادىشاھى تىگلات-پىلئەسەرگە ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ: _ مەن سىلىگە قۇل بولاي، بالا بولاي. سىلى كېلىپ، مېنى ئاررام پادىشاھى بىلەن ئىسرائىلىيە پادىشاھىنىڭ ھۇجۇمىدىن قۇتقۇزۇۋالسىلا، _ دېدى. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ھەم ئوردا خەزىنىسىدىكى ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئېلىپ، ئاسسۇر پادىشاھىغا سوۋغات قىلىپ ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاسسۇر پادىشاھى ماقۇل بولۇپ، ئاررامنىڭ پايتەختى دەمەشقنى ھۇجۇم بىلەن ئالدى. ئاھالىسىنى قىر زېمىنىغا سۈرگۈن قىلدى، رىزىننىمۇ ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئاخاز پادىشاھ دەمەشققە بېرىپ، ئاسسۇر پادىشاھى تىگلات-پىلئەسەر بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ دەمەشقتىكى قۇربانلىق سۇپىسىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ سىزمىسى ۋە لايىھەسىنى روھانىي ئۇرىياغا يوللىدى. شۇنىڭ بىلەن روھانىي ئۇرىيا پادىشاھ ئاخازنىڭ دەمەشقتىن ئەۋەتكەن يوليورۇقى بويىچە، پادىشاھ دەمەشقتىن قايتىپ كەلگۈچە قۇربانلىق سۇپىسىنى ياسىتىپ بولدى. پادىشاھ دەمەشقتىن كېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە قۇربانلىق سۇپىسىدا قۇربانلىق قىلدى. ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىقى بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسىنى قۇربانلىق سۇپىسى ئۈستىدە كۆيدۈرۈپ، ئىچىملىك ھەدىيەسىنى ئۇنىڭغا تۆكتى ۋە ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىغا چاچتى. پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ئالدىدىكى تۇچ بىلەن قاپلاپ ياسالغان قۇربانلىق سۇپىسى ئەسلىدە يېڭى قۇربانلىق سۇپىسى بىلەن ئىبادەتخانىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، پادىشاھ ئاخاز ئۇنى يۆتكەپ، يېڭى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ شىمال تەرىپىگە قويدۇردى. ئاخاز پادىشاھ روھانىي ئۇرىياغا: _ چوڭ قۇربانلىق سۇپىسىدا ئەتىگەنلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن كەچلىك ئاشلىق ھەدىيەسىنى، پادىشاھنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقى بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسىنى، زېمىندىكى پۈتۈن خەلقنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقى بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسىنى كۆيدۈرۈڭ ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسىنى ئۇنىڭغا تۆكۈڭ. كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە باشقا قۇربانلىقلارنىڭ ھەممە قېنىنى ئۇنىڭغا چېچىڭ. لېكىن تۇچ بىلەن قاپلانغان قۇربانلىق سۇپىسىنى ماڭا قالدۇرۇڭ، مەن ئۇنى كەلگۈسىدە نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى بىلىشىم ئۈچۈن ئىشلىتەي، _ دېدى. روھانىي ئۇرىيا پادىشاھ ئاخازنىڭ بۇيرۇغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى قىلدى. ئاخاز پادىشاھ يەنە، داسلار قويۇلغان تۇچ ھارۋىلارنىڭ تۆت چاسا رامكىلىرىنى كېسىپ چىقىرىۋېتىپ، داسلارنى ئېلىۋەتتى. ئۇ يەنە «دېڭىز» دەپ ئاتالغان داڭقاننى تۇچ بۇقىلارنىڭ ئۈستىدىن چۈشۈرۈپ، تاشتىن ياسالغان سۇپىغا قويدى. ئۇ يەنە ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ سەۋەبى بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا پەقەت دەم ئېلىش كۈنىلا ئىشلىتىش ئۈچۈن ياسالغان سايىۋەنلىك يولنى ۋە پادىشاھنىڭ ئىبادەتخانىغا سىرتتىن كىرىشى ئۈچۈن ياسالغان كىرىش ئېغىزىنى ئېتىۋەتتى. ئاخاز پادىشاھنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. ئاخاز ۋاپات بولۇپ، ئاتا-بوۋىسىنىڭ يېنىغا، يەنى «داۋۇت شەھىرى»گە، دەپنە قىلىندى. ئوغلى خىزكىيا ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى. يەھۇدىيە پادىشاھى ئاخازنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 12-يىلى ئەلاھنىڭ ئوغلى ھوشىيا سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇپ، توققۇز يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى، لېكىن يامانلىقتا ئىلگىرىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىدىن ئېشىپ كەتمىدى. ئاسسۇر پادىشاھى شالمانئەسەر ھوشىياغا ھۇجۇم قىلغىلى كەلدى. ھوشىيا ئۇنىڭغا تەسلىم بولۇپ، ئولپان تاپشۇرىدىغان بولدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھوشىيا بۇرۇنقى يىللاردىكىدەك ئولپان تاپشۇرماي، پىرئەۋن سوھقا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئاسسۇر پادىشاھىغا ئاسىيلىق قىلماقچى بولدى. بۇنى بىلىپ قالغان ئاسسۇر پادىشاھى ئۇنى تۇتۇپ، زىندانغا تاشلىدى. ئاسسۇر پادىشاھى پۈتۈن ئىسرائىلىيە زېمىنىغا ھۇجۇم قىلدى ھەمدە سامارىيەگە كېلىپ، ئۇنى ئۈچ يىلغىچە قامال قىلىپ تۇردى. ھوشىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ توققۇزىنچى يىلى ئاسسۇر پادىشاھى سامارىيەنى قولغا چۈشۈرۈپ، ئىسرائىلىيەلىكلەرنى ئاسسۇرغا سۈرگۈن قىلدى ۋە ئۇلارنى خالاخ شەھىرى، خابور دەرياسى بويىدىكى گوزان شەھىرى ۋە مىدىيانىڭ شەھەرلىرىگە ئورۇنلاشتۇردى. چۈنكى ئىسرائىللار ئۆزلىرىنى پىرئەۋننىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگار خۇداغا قارشى تۇرۇپ، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، گۇناھ ئۆتكۈزگەنىدى. ئۇلار پەرۋەردىگار ئۆزلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا كەنئاندىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتكەن يات ئەللەرنىڭ ئادەتلىرى، شۇنداقلا ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ ئادەتلىرى بويىچە ياشاپ كەلدى. ئىسرائىلىيەلىكلەر پەرۋەردىگار، يەنى ئۆزلىرىنى تاللىغان خۇدانىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولمىغان ئىشلارنى مەخپىي ھالدا قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار كۆزىتىش مۇنارلىرىدىن تارتىپ، تاكى مۇستەھكەم شەھەرلىرىگىچە بولغان ھەممە يەرلەردە ئۆزلىرى ئۈچۈن غەيرىي سەجدىگاھلارنى سېلىشتى. شۇنداقلا ھەربىر ئېگىزلىكتە ۋە باراقسان ئۆسكەن دەرەخ تۈۋىدە ئۆزلىرى ئۈچۈن تاش ئابىدە ۋە ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى تىكلىدى. ئۇلار خۇددى پەرۋەردىگار ئۆزلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا كەنئاندىن ھەيدەپ چىقارغان يات ئەللەرگە ئوخشاش، شۇ ئېگىزلىكلەردە قۇربانلىق كۆيدۈرۈپ ھەم يامان ئىشلارنى قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى. گەرچە پەرۋەردىگار ئۇلارغا: «سىلەر ئۇنداق قىلماڭلار» دېگەن بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا بۇتلارغا چوقۇندى. پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ بارلىق پەيغەمبەرلىرى ۋە غايىبنى بىلگۈچىلىرى ئارقىلىق ئىسرائىلىيە بىلەن يەھۇدىيەگە: «سىلەر يامان يولدىن قايتىڭلار! مەن سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا ئەمر قىلغان ۋە خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق سىلەرگە يەتكۈزگەن قانۇندىكى بارلىق ئەمر-پەرمانلىرىمغا ئەمەل قىلىڭلار» دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار قۇلاق سالماستىن، خۇددى پەرۋەردىگار _ ئۆزلىرىنى تاللىغان خۇداغا ئېتىقاد قىلمىغان ئاتا-بوۋىلىرىدەك، بوينى قاتتىقلىق قىلدى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ پەرمانلىرى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى، شۇنىڭدەك پەرۋەردىگارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى رەت قىلىپ، كېرەكسىز بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ئۆزلىرىنىمۇ كېرەكسىز قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنى: «ئەتراپىدىكى يات ئەللەردەك قىلماڭلار» دەپ ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يات ئەللەرنى دورىدى. ئۇلار پەرۋەردىگار _ ئۆزلىرىنى تاللىغان خۇدانىڭ بارلىق ئەمرلىرىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن موزاي شەكلىدە ئىككى بۇت ھەم ئىلاھە ئاشېرانىڭ بۇتىنى ياساپ، ئاسماندىكى ھەر خىل ئاسمان جىسىملىرىغا ۋە بائالغا چوقۇندى. ئۇلار يەنە ئوغۇل-قىزلىرىنى قۇربانلىق قىلىپ، ئوتتا كۆيدۈردى. پالچىلىق، رەمچىلىك ۋە پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدىكى يامان بولغان ئىشلارغا ئۆزىنى بېغىشلاپ، ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى. شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەلىكلەرگە قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى يەھۇدا قەبىلىسىدىن باشقا ھەممە قەبىلىنى ئۆز ھۇزۇرىدىن قوغلاپ چىقاردى. ئەمما يەھۇدىيەلىكلەرمۇ پەرۋەردىگار _ ئۆزلىرىنى تاللىغان خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلماي، ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ يولىنى تۇتتى. نەتىجىدە پەرۋەردىگار ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنى رەت قىلىپ، ئۇلارنى تالان-تاراج قىلغۇچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. ئاخىرىدا ئۇلارنى ئۆز ھۇزۇرىدىن قوغلاپ چىقاردى. پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەلىكلەرنى داۋۇت جەمەتىدىن ئايرىغاندىن كېيىن، ئۇلار نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنى ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلدى. ياروبئام ئىسرائىلىيەلىكلەرنى پەرۋەردىگارغا ئەگىشىپ مېڭىشتىن ئازدۇرۇپ، ئۇلارنى ئېغىر گۇناھقا يېتەكلىدى. ئىسرائىلىيەلىكلەر ياروبئامنىڭ گۇناھلىرىغا ئەگىشىپ، گۇناھ ئۆتكۈزۈشتىن قول ئۈزمىدى. ئاخىرى پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئېيتقىنىدەك، ئىسرائىلىيەلىكلەرنى ئۆز ھۇزۇرىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇلارنى ئۆز ۋەتىنىدىن ئاسسۇرغا سۈرگۈن قىلدى. ئۇلار تاكى ھازىرغىچە شۇ يەردە ياشىماقتا. ئاسسۇر پادىشاھى بابىل، كۇتاھ، ئىۋۋاھ، خامات ۋە سىفارۋايىم قاتارلىق شەھەرلەردىن ئاھالىلەرنى كۆچۈرۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ئورنىغا ئورۇنلاشتۇردى. ئۇلار سامارىيەنى ۋە ئەتراپىدىكى شەھەرلەرنى ئىگىلەپ، ئۇ يەرلەردە ماكان تۇتتى. ئۇلار بۇ يەرلەردە ئولتۇراقلاشقان دەسلەپكى مەزگىللەردە پەرۋەردىگارغا ئېتىقاد قىلمىدى. شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئارىسىغا شىرلارنى ئەۋەتتى، شىرلار ئۇلارنىڭ بىر قىسىملىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. بىرسى ئاسسۇر پادىشاھىغا: _ ئۆزلىرى كۆچۈرۈپ كېلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىگە ئورۇنلاشتۇرغان خەلقلەر شۇ زېمىندىكى خۇدانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى بىلمىگەچكە، ئۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا شىرلارنى ئەۋەتتى. شىرلار ئۇلارنىڭ بىر قىسىملىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. بۇ ئۇلارنىڭ شۇ زېمىندىكى خۇدانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى بىلمىگەنلىكىدىن بولدى، _ دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئاسسۇر پادىشاھى: _ سىلەر سامارىيەدىن ئەسىر ئالغان روھانىيلارنىڭ بىرىنى شۇ يەرگە ئەۋەتىڭلار. ئۇ شۇ يەردە تۇرۇپ، خەلققە شۇ يەردىكى خۇدانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى ئۆگەتسۇن، _ دەپ بۇيرۇق بەردى. شۇنىڭ بىلەن سامارىيەدىن ئەسىرگە ئېلىنغان روھانىيلاردىن بىرى بەيتەلگە قايتىپ كېلىپ، ئۇلارغا پەرۋەردىگاردىن قانداق ئەيمىنىشنى ئۆگەتتى. لېكىن ھەربىر مىللەت خەلقلىرى يەنىلا ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ بۇتلىرىنى ياساپ، سامارىيەلىكلەر ياسىغان غەيرىي سەجدىگاھلاردىكى بۇتخانىلارغا قويدى. ھەممە مىللەت خەلقلىرى ئۆزلىرى تۇرغان شەھەرلەردە شۇنداق قىلىشتى. بابىللىقلار سۇككوت-بىنوت بۇتىنى، كۇتاھلىقلار نېرگال بۇتىنى، خاماتلىقلار ئاشىما بۇتىنى، ئىۋۋاھلىقلار نىبخاز ۋە تارتاق بۇتىنى ياساشتى. سىفارۋايىملىقلار ئۆز پەرزەنتلىرىنى قۇربانلىق قىلىپ، ئوتتا كۆيدۈرۈپ، سەفەرۋايىم خەلقىنىڭ ئىلاھلىرى بولغان ئادراممەلەك بىلەن ئاناممەلەككە تەقدىم قىلدى. ئۇلار بىر تەرەپتىن پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا ئۆزلىرى ئۈچۈن غەيرىي سەجدىگاھلاردا خىزمەت قىلىدىغان روھانىيلارنى ئۆز ئىچىدىن تاللاپ چىقتى. ئۇلار پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش بىلەن بىرگە ئۆزلىرى بۇرۇن ياشىغان ئانا يۇرتلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە ئۆزىنىڭ ئىلاھلىرىغىمۇ ئىبادەت قىلاتتى. سامارىيەلىكلەر ھازىرغىچە يەنىلا بۇرۇنقى ئادەتلىرىنى ساقلاپ كەلمەكتە. ئۇلار پەرۋەردىگاردىن ھەقىقىي ئەيمەنمەي ھەم «ئىسرائىل» دەپ ئاتالغان ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا بۇيرۇلغان ئەمر-پەرمانلار ۋە قانۇن-قائىدىلەرگە بويسۇنماي كەلمەكتە. پەرۋەردىگار ئىسرائىللار بىلەن ئەھدىلىشىپ، ئۇلارغا: «باشقا ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىشىڭلارغا، سەجدە قىلىشىڭلارغا ۋە ئۇلارغا خىزمەت قىلىپ، ئۇلار ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشىڭلارغا بولمايدۇ. لېكىن سىلەر ھەممە يەرگە يېتىدىغان قولى ۋە كۈچلۈك بىلىكى بىلەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان مەن پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، ماڭا سەجدە قىلىڭلار ۋە قۇربانلىق قىلىڭلار. سىلەر ئۈچۈن يېزىلغان ئەمر-پەرمانلىرىم ۋە قانۇن-قائىدىلىرىمگە ھەر دائىم ئەمەل قىلىشقا دىققەت قىلىڭلار، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنماڭلار. مېنىڭ سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى ئۇنتۇپ قالماڭلار، باشقا ئىلاھلارغا سەجدە قىلماڭلار. سىلەر، مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن ئەيمىنىڭلار، مەن سىلەرنى بارلىق دۈشمىنىڭلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرىمەن» دەپ ئەمر قىلغانىدى. بىراق سامارىيەگە ئورۇنلاشقان باشقا خەلقلەر بۇنىڭغا قۇلاق سالماي، بۇرۇنقى ئۆرپ-ئادىتى بويىچە ئىش قىلىپ كەلدى. شۇنداق قىلىپ بۇ خەلقلەر بىر تەرەپتىن پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرىغا چوقۇنۇپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ تاكى ھازىرغىچە ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى قىلغان ئىشلارنى قىلىپ كەلمەكتە. ئەلاھنىڭ ئوغلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى ھوشىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلى يەھۇدىيە پادىشاھى ئاخازنىڭ ئوغلى خىزكىيا يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 25 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 29 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى زىكىرىيانىڭ قىزى ئابىيا ئىدى. خىزكىيا خۇددى ئەجدادى داۋۇتقا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئۇ غەيرىي سەجدىگاھلارنى يوقىتىۋەتتى، تاش ئابىدىلەرنى چېقىۋەتتى ۋە ئىلاھە ئاشېرانىڭ بۇتلىرىنى ئۆرۈۋەتتى. ئۇ يەنە مۇسا پەيغەمبەر ياسىتىپ قويغان مىس يىلاننى پارچە-پارچە قىلىپ بۇزۇۋەتتى، چۈنكى شۇ كۈنگىچە ئىسرائىللار ئۇ مىس يىلاننى «نىخۇشتان» دەپ ئاتاپ، ئۇنىڭ ئالدىدا ئىسرىق سالاتتى. خىزكىيا پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇداغا ئىشەندى. ئۇنىڭدىن ئاۋۋال ئۆتكەن ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن يەھۇدىيە پادىشاھلىرى ئىچىدە ئۇنىڭدەك بىرەرى چىقمىدى. ئۇ پەرۋەردىگارغا سادىق بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئايرىلماي، پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە بۇيرۇغان ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يار بولغانلىقتىن ئۇ قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئوڭۇشلۇق بولدى. ئۇ ئاسسۇر پادىشاھىغا قارشى تۇرۇپ، ئۇنىڭغا بويسۇنمىدى. ئۇ فىلىستىيەلىكلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئۇلارنى گازا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارغىچە، يەنى كۆزىتىش مۇنارلىرىدىن تارتىپ، تاكى مۇستەھكەم شەھەرلىرىگىچە بولغان ھەممە يەرلەردە مەغلۇپ قىلدى. خىزكىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ تۆتىنچى يىلى، يەنى ئەلاھنىڭ ئوغلى ئىسرائىلىيە پادىشاھى ھوشىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ يەتتىنچى يىلى ئاسسۇر پادىشاھى شالمانئەسەر سامارىيەگە كېلىپ، ئۇنى قامال قىلدى. قامال قىلىنغان ئۈچىنچى يىلىنىڭ ئاخىرىدا، يەنى خىزكىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئالتىنچى يىلى ۋە ئىسرائىلىيە پادىشاھى ھوشىيانىڭ توققۇزىنچى يىلى ئاسسۇرلار سامارىيەنى ئىگىلىۋالدى. ئاسسۇر پادىشاھى ئىسرائىلىيەلىكلەرنى ئاسسۇرغا ئەسىر قىلىپ ئېلىپ كېتىپ، ئۇلارنى خالاخ شەھىرى، خابور دەرياسى بويىدىكى گوزان شەھىرى ۋە مىدىيانىڭ شەھەرلىرىگە ئورۇنلاشتۇردى. بۇ ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگار _ ئۆزلىرىنى تاللىغان خۇدانىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالمىغانلىقىدىن، ئۇنىڭ ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ بارلىق ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلمىغانلىقىدىن بولغان. خىزكىيا پادىشاھ تەختكە ئولتۇرغان 14-يىلى ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىب يەھۇدىيەنىڭ بارلىق مۇستەھكەم شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، بۇ شەھەرلەرنى بويسۇندۇردى. يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىيا لاكىش شەھىرىدە تۇرغان ئاسسۇر پادىشاھىغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا: _ مەن ئەيىبلىك. بۇ يەردىن كەتسىلە، ماڭا قانداق ئولپان سالسىلا، مەن ئۇنى ئۈستۈمگە ئالىمەن، _ دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئاسسۇر پادىشاھى يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىياغا ئون توننا كۈمۈش ۋە بىر توننا ئالتۇن ئولپان سالدى. خىزكىيا ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ۋە ئوردا خەزىنىلىرىدىكى كۈمۈشلەرنىڭ ھەممىسىنى بەردى. ئۇ ھەتتا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى بۇرۇن ئۆزى قاپلاتقان ئىشىك ۋە ئىشىك كېشەكلىرىدىكى ئالتۇنلارنىڭ ھەممىسىنى قومۇرۇپ ئېلىپ، ئاسسۇر پادىشاھىغا بەردى. كېيىن ئاسسۇر پادىشاھى ئۆزىنىڭ باش سەركەردىسى، ئوردا غوجىدارى ۋە خاس سەركەردىسىنى لاكىش شەھىرىدىكى زور قوشۇنى بىلەن يېرۇسالېمدىكى پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى. ئۇلار يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ يېنىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، يۇقىرىدىكى كۆلچەككە سۇ قۇيۇلىدىغان، يەنى كىر يۇيىدىغان دالاغا بارىدىغان يولدىكى ئۆستەڭ بويىدا توختىدى. ئۇلار پادىشاھنى چاقىرتتى. خىلقىيانىڭ ئوغلى، يەنى ئوردا غوجىدارى ئەلياقىم، پۈتۈكچى شەبنا، ئاسافنىڭ ئوغلى، يەنى خاننىڭ تەزكىرىچىسى يوئاخ ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقتى. سەركەردە ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ خىزكىياغا ئېيتىڭلار، ئۇلۇغ ئاسسۇر پادىشاھى ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر نېمىگە تايىنىپ ئۆزۈڭلارغا شۇنچە ئىشىنىسىلەر؟ سىلەرچە، قۇرۇق گەپلەر ئۇرۇش تەدبىرلىرى ۋە كۈچ-قۇدرەتنىڭ ئورنىغا دەسسىيەلەمدۇ؟ سىلەر كىمگە ئىشىنىپ ماڭا قارشى چىقتىڭلار؟ سىلەر ئەمدى مىسىرغا تايانماقچىمۇ؟ مىسىر خۇددى قومۇشتىن ياسالغان سۇنۇق ھاسىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭغا تايانساڭلار قولۇڭلارنى تېشىۋېتىدۇ. پىرئەۋنگە تايانغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاقىۋىتىمۇ شۇنداق بولىدۇ. بەلكىم سىلەر ماڭا: ‹بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ بىزگە ياردەم قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز› دەپ ئېيتارسىلەر. لېكىن پادىشاھ خىزكىيا ۋەيران قىلىۋەتكەن سەجدىگاھلار ۋە قۇربانلىق سۇپىلار دەل پەرۋەردىگارنىڭكى ئەمەسمىدى؟ پادىشاھ خىزكىيا يېرۇسالېم خەلقى ۋە بارلىق يەھۇدىيە خەلقىگە، پەرۋەردىگارغا پەقەت يېرۇسالېمدىكى مۇشۇ قۇربانلىق سۇپىسىدىلا ئىبادەت قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتمىغانمىدى؟» سەركەردە يەنە مۇنداق دېدى: _ كېلىڭلار، بىز خوجايىنىم ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ نامى بىلەن قول باغلىشايلى. بىز سىلەرگە ئىككى مىڭ ئات بېرىمىز. قېنى، سىلەر ئىككى مىڭ چەۋەنداز تېپىپ بېقىڭلارچۇ؟ سىلەر مىسىرنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە چەۋەندازلىرى ياردەمگە كەلگەن تەقدىردىمۇ، خوجايىنىمنىڭ قول ئاستىدىكى ئەڭ كىچىك قوشۇنىنىمۇ مەغلۇپ قىلالمايسىلەر! مېنىڭ بۇ يەرنى ۋەيران قىلىشىم پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولغان دەپ قارىمامسىلەر؟ پەرۋەردىگار ئۆزى ماڭا: «يەھۇدىيە زېمىنىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەرنى ۋەيران قىل» دەپ بۇيرۇغان. خىلقىيانىڭ ئوغلى ئەلياقىم، شەبنا ۋە يوئاخلار ئاسسۇر سەركەردىسىگە مۇنداق دېدى: _ تەقسىر، بىزگە ئارامىي تىلىدا سۆزلەڭ، بىز چۈشىنىمىز. ئىبرانىي تىلىدا سۆزلىمەڭ، سېپىل ئۈستىدىكىلەر ئاڭلاپ قالمىسۇن. سەركەردە جاۋاب بېرىپ: _ خوجايىنىم مېنى، بۇ سۆزلەرنى پەقەت سىلەر بىلەن پادىشاھىڭلارغىلا ئېيتىپ بېرىشكە ئەۋەتكىنى يوق. سېپىل ئۈستىدىكىلەرمۇ بۇ گەپلەرنى ئاڭلىسۇن. ئەگەر بىز بۇ شەھەرنى قامال قىلساق، ئۇلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش پوقىنى يەپ، سۈيدۈكىنى ئىچىدۇ، _ دېدى. ئاندىن ئۇ تىك تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئىبرانىي تىلىدا مۇنداق دېدى: _ ئۇلۇغ پادىشاھ بولغان ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار! پادىشاھ مۇنداق دەيدۇكى: «سىلەر خىزكىياغا ئالدانماڭلار، ئۇ سىلەرنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالمايدۇ. خىزكىيانىڭ سىلەرنى پەرۋەردىگارغا ئىشىنىشكە دەۋەت قىلىپ: ‹پەرۋەردىگار بىزنى چوقۇم قۇتقۇزىدۇ، ئۇ بۇ شەھەرنى ئاسسۇر پادىشاھىغا تاشلاپ بەرمەيدۇ› دېگەن سۆزلىرىگە ئالدانماڭلار. خىزكىيانىڭ گېپىنى ئاڭلىماڭلار! مەن ئاسسۇر پادىشاھى سىلەرنى مەن بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈشكە، ماڭا بويسۇنۇشقا دەۋەت قىلىمەن. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، سىلەر ئۆز بېغىڭلارنىڭ ئۈزۈملىرىنى ۋە ئەنجۈرلىرىنى يېيەلەيسىلەر، ئۆز قۇدۇقۇڭلارنىڭ سۈيىنى ئىچەلەيسىلەر. كېيىن مەن زېمىنىڭلارغا بېرىپ، سىلەرنى، خۇددى ئۆز زېمىنىڭلارغا ئوخشاش مول ئاشلىق، شاراب، يېمەكلىك، ئۈزۈمزارلىقلىرى، زەيتۇن دەرەخلىرى ۋە مول زەيتۇن يېغى بولغان، ھەسەل چىقىدىغان يېڭى زېمىنغا باشلاپ بارىمەن. ئۆلۈمنى ئەمەس، ھاياتنى تاللاڭلار. خىزكىيانىڭ دېگەنلىرىگە قۇلاق سالماڭلار. ئۇ سىلەرنى ‹پەرۋەردىگار بىزنى قۇتقۇزىدۇ› دەپ، تۇيۇق يولغا باشلايدۇ. قايسىبىر خەلقنىڭ ئىلاھلىرى ئۆز خەلقىنى مەن ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزالىغان؟ خامات ۋە ئارپاد شەھەرلىرىنىڭ ئىلاھلىرى قانداق بولدى؟ سىفارۋايىم، ھېنا ۋە ئىۋۋاھ شەھەرلىرىنىڭ ئىلاھلىرىچۇ؟ سامارىيە شەھىرىنىڭ ئىلاھلىرى ئۆز خەلقىنى مېنىڭ قولۇمدا مەغلۇپ بولۇشتىن قۇتقۇزالىدىمۇ؟ قايسىبىر خەلقنىڭ ئىلاھلىرى ئۆز خەلقىنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالىغان؟ ئۇنداقتا، پەرۋەردىگارىڭلار يېرۇسالېمنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالامدۇ؟» خەلق سۈكۈت قىلىپ، ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرمىدى، چۈنكى پادىشاھ خىزكىيا ئۇلارغا جاۋاب قايتۇرماسلىقنى بۇيرۇغانىدى. خىلقىيانىڭ ئوغلى ئوردا غوجىدارى ئەلياقىم، پۈتۈكچى شەبنا، ئاسافنىڭ ئوغلى خاننىڭ تەزكىرىچىسى يوئاخلار قاتتىق قايغۇرۇپ، كىيىملىرىنى يىرتىشقان ھالدا پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئالدىغا قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا سەركەردىنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزدى. پادىشاھ خىزكىيا ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇمۇ قاتتىق قايغۇرۇپ، كىيىملىرىنى يىرتىپ، ماتەملىك كىيىم كىيىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا باردى. ئۇ يەنە ئوردا غوجىدارى ئەلياقىم، پۈتۈكچى شەبنا ۋە يېتەكچى روھانىيلارنى ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى. ئۇلارمۇ ماتەملىك كىيىم كىيگەنىدى. ئۇلار يەشايا پەيغەمبەرگە مۇنداق دېدى: _ پادىشاھىمىز خىزكىيا ئۆزلىرىگە مۇنداق دەيدۇ: «بۈگۈن بىز ئۈچۈن قاتتىق ئازاب، تىل-ئاھانەت ۋە خورلۇققا قالغان كۈن بولدى، بىز خۇددى بوۋىقىنى تۇغۇشقا كۈچى يەتمىگەن ئانىدەك بولۇپ قالدۇق. سىلى ئۆزلىرى خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان مەڭگۈ ھايات خۇدانى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن ئاسسۇر پادىشاھى سەركەردىسىنى ئەۋەتىپتۇ. ئۆزلىرى خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان پەرۋەردىگار خۇدا سەركەردىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنى شۇ سۆزلىرى ئۈچۈن جازالىغاي. ئۆزلىرى بۇ يۇرتتا قېپقالغان بىزلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويسىلا». پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئەلچىلىرى يەشايا پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ، پادىشاھنىڭ بۇ سۆزلىرىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، يەشايا پەيغەمبەر ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: _ پادىشاھقا ئېيتىڭلار، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ: «ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ چاكىرىنىڭ ماڭا ھاقارەت كەلتۈرىدىغان سۆزلىرىدىن قورقۇپ كەتمە. مەن ئۇنى ھازىرلا ئۆسەك سۆزلەرگە ئىشىنىدىغان قىلىپ قويىمەن. ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئۆز زېمىنىغا قايتىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ شۇ يەردە قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدىغانلىقىنى ئىرادە قىلغانمەن.» _ دېدى. ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ سەركەردىسى ئۆز پادىشاھىنىڭ لاكىشتىن لىبناھ شەھىرىگە قاراپ يۈرۈش قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، پادىشاھنىڭ يېنىغا قايتتى ۋە پادىشاھنى ئۇرۇشۇۋاتقان يەردە تاپتى. بۇ چاغدا ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىب كۇش پادىشاھى تىرھاقانىڭ ئۆزى بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. ئۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، پادىشاھ خىزكىياغا يەنە ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ يەھۇدىيەنىڭ پادىشاھى خىزكىياغا مۇنداق دەپ ئېيتىڭلار: «سەن تايىنىۋاتقان خۇدانىڭ، ‹ئاسسۇر پادىشاھى يېرۇسالېمنى بېسىۋالالمايدۇ› دېگەن سۆزلىرىگە ئالدانما. سەن ئاسسۇر پادىشاھلىرىنىڭ باشقا زېمىنلاردا نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى چوقۇم ئاڭلىدىڭ. بىز بۇ زېمىنلارنى ۋەيران قىلىۋەتتۇق. سەن ئۆزۈڭچە، بىز قۇتقۇزۇلۇپ قالىمىز، دەپ ئويلامسەن؟ گوزان، خاران ۋە رەزەف شەھەرلىرىنىڭ ھەمدە تىلاسساردىكى ئەدەن خەلقىنىڭ ئىلاھلىرى ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قالالىدىمۇ؟ ياق! ھەرگىز ئۇنداق قىلالمىدى! مېنىڭ ئەجدادلىرىم ئۇ يەرلەرنى ۋەيران قىلىۋەتكەنىدى. خامات، ئارپاد، لائىر، سىفارۋايىم، ھېنا ۋە ئىۋۋاھ شەھەرلىرىنىڭ پادىشاھلىرىچۇ، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟» پادىشاھ خىزكىيا ئەلچىلەر ئېلىپ كەلگەن مەكتۇپنى ئوقۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا باردى. ئۇ بۇ يەردە خەتنى يېيىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا دۇئا قىلدى: «ئى پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، سەن كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تەختتە ئولتۇرغۇچىسەن، سەن بۇ دۇنيانىڭ پۈتكۈل پادىشاھلىقلىرىنىڭ يېگانە خۇداسىدۇرسەن، پۈتكۈل ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسىدۇرسەن. ئى پەرۋەردىگار، نىدايىمنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىغايسەن، كۆزلىرىڭنى ئېچىپ قارىغايسەن، سانخېرىبنىڭ سەن مەڭگۈ ھايات خۇدانى ھاقارەتلەپ ئەۋەتكەن سۆزلىرىنى ئاڭلىغايسەن. ئى پەرۋەردىگار، ئاسسۇر پادىشاھلىرىنىڭ نۇرغۇن ئەللەر ۋە زېمىنلارنى ۋەيران قىلغىنى راست. ئۇلار بۇ زېمىنلارنىڭ ئىلاھلىرىنى ئوتقا تاشلىدى، چۈنكى بۇ ئىلاھلار خۇدا ئەمەس ئىدى. ئۇلار، ئادەملەر ئۆز قولى بىلەن ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسىۋالغان نەرسىلەر ئىدى، شۇڭا ئاسسۇرلار ئۇلارنى ۋەيران قىلالىدى. ئى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا، بىزنى ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ قولىدىن ساقلاپ قالغايسەن. يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلار سەن پەرۋەردىگارنىڭ بىردىنبىر خۇدا ئىكەنلىكىڭنى بىلسۇن!» ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەر پادىشاھ خىزكىياغا مۇنۇ سۆزلەرنى ئەۋەتتى. پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سېنىڭ ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىب توغرىسىدا قىلغان دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم. مەنكى پەرۋەردىگار، سانخېرىب توغرىسىدا مۇنداق دەيمەن: ئەي سانخېرىب، سىئوندىكى قىزلار سەندىن نەپرەتلىنىدۇ، سېنى زاڭلىق قىلىدۇ. يېرۇسالېمدىكى قىزلار سېنى مەسخىرە قىلىدۇ، كەينىڭدىن باش چايقىشىدۇ. ئەي سانخېرىب، سەن مەسخىرە قىلغان كىم؟ سەن ھاقارەت قىلغان كىم؟ سەن ۋارقىراپ تىللىغان كىم؟ سەن ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ مەنسىتمىگەن كىم؟ ئۇ مەن! يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدادۇرمەن! سەن ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ، مەن پەرۋەردىگارنى مەسخىرە قىلدىڭ. سەن پو ئېتىپ، ‹جەڭ ھارۋىلىرىم بىلەن ئېگىز تاغلارنى، لىۋاننىڭ ئەڭ چېتىدىكى تاغ چوققىلىرىنى بېسىۋالغانمەن، شۇنداقلا، ئەڭ ئېگىز كېدىرلەرنى، ئەڭ ياخشى قارىغاي دەرەخلىرىنى كېسىپ تاشلىغانمەن. ئەڭ يىراقتىكى پىنھان جايلارغا ۋە ئەڭ بۈك-باراقسان ئورمانلىقلارغا بارغانمەن، ياقا يۇرتلاردا قۇدۇقلارنى قېزىپ، سۇلىرىنى ئىچكەنمەن، پۇتلىرىم بىلەن مىسىرنىڭ بارلىق دەريالىرىنى كېچىپ، سۇلىرىنى توختىتىۋەتكەنمەن› دېدىڭ. سەن ئاڭلىمىغانمىدىڭ؟ مەن پەرۋەردىگار بۇ ئىشلارنى بۇرۇنلا قارار قىلىپ بولغانمەن. بۇرۇنلا پىلان قىلىپ بولغانمەن، مانا ھازىر بۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتىمەن. سېنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇشۇڭ مېنىڭ پىلانىمدۇر. شۇ سەۋەبتىن بۇ شەھەرلەرنىڭ پۇقرالىرى ئاجىزدۇر، ئۇلار چۈشكۈنلىشىپ، نومۇسقا قالدى، بۇ خۇددى دالادا ئۆسكەن ئوت-چۆپلەر، يېڭى ئۆسۈپ چىققان مايسىلار، ئۆگزىدە ئۆسكەن ياۋا ئوتلارنىڭ ئىسسىق شامالدا قۇرۇپ قالغىنىدەك بىر ئىشتۇر. سېنىڭ نەدە تۇرىدىغانلىقىڭنى، قاچان كېلىپ، قاچان كېتىدىغانلىقىڭنى، ماڭا قانچىلىك ئاچچىق غەزەپ قىلغانلىقىڭنى بىلىمەن. سېنىڭ بۇ غەزەپلىرىڭ ۋە ھاكاۋۇرلۇقۇڭ مېنىڭ قۇلىقىمغا يەتتى. مەن ئەمدى قارمىقىمنى بۇرنۇڭدىن، ئېغىزدۇرۇقۇمنى ئاغزىڭدىن ئۆتكۈزىمەن، سەن قانداق كەلگەن بولساڭ، سېنى شۇ يول بىلەن قايتۇرۇپ ئەكېتىمەن.» يەشايا پەيغەمبەر پادىشاھ خىزكىياغا يەنە مۇنداق دېدى: _ بۇ ئىشلارنىڭ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، مەن بۇنى ئالدىن ساڭا ئېيتىمەن: سەن بۇ يىل تۇپراقتا ئۆزى ئۆسكەن نەرسىلەرنى يەيسەن، كېلەر يىلى يەنە ئۆزى ئۆسۈپ چىققان نەرسىلەرنى يەيسەن. لېكىن ئۈچىنچى يىلى ئۆزۈڭ تېرىغان زىرائەتتىن ئالغان ھوسۇلنى، ئۆزۈڭ ئۆستۈرگەن ئۈزۈملەرنى يەيسەن. يەھۇدىيەدىن ھايات قالغان بۇ ئاز بىر قىسىم ئادەملەر كېيىن كۆپىيىپ، خۇددى يىلتىزلىرى چوڭقۇر، مېۋىلىرى كۆپ دەرەخكە ئوخشاش كۆكلەيدۇ. شۇنداق، بۇ ئاز بىر قىسىم ئادەملەر كۆپىيىپ يېرۇسالېمدىن چىقىدۇ، يەنى قۇتۇلۇپ قالغانلار سىئون تېغىدىن چۈشىدۇ. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بۇنى جان-دىلى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ! پەرۋەردىگار ئاسسۇر پادىشاھى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ قوشۇنلىرى يېرۇسالېمغا كىرەلمەيدۇ، ھەتتا بىر تال يا ئوقىمۇ ئاتالمايدۇ. ئۇلار قالقانلىرىنى كۆتۈرۈپ، يېرۇسالېم دەرۋازىسى يېنىغىمۇ كېلەلمەيدۇ، ياكى شەھەر سېپىلىگە توپا دۆۋىسى يۆلەپمۇ ھۇجۇم قىلالمايدۇ. مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، ئۇ قايسى يول بىلەن كەلگەن بولسا، شۇ يول بىلەن كېتىدۇ. ئۇ بۇ شەھەرگە كىرەلمەيدۇ. مەن ئۆز شان-شەرىپىم ئۈچۈن ۋە خىزمەتكارىم داۋۇتنىڭ ھەق-ھۆرمىتى ئۈچۈن بۇ شەھەرنى قوغدايمەن، ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالىمەن». شۇ كېچىسى پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئاسسۇرلارنىڭ بارگاھىغا چۈشۈپ، 185 مىڭ لەشكىرىنى قىرىپ تاشلىدى. يەھۇدىيەلىكلەر ئەتىسى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ، پۈتۈن يەرنى جەسەتلەر قاپلاپ كەتكىنىنى كۆردى. شۇنىڭ بىلەن ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىب ھايات قالغان قوشۇنلىرىنى ئېلىپ، ئۆز ئېلىگە قايتتى. ئۇ نىنەۋى شەھىرىگە بېرىپ، شۇ يەردە تۇرۇپ قالدى. بىر كۈنى سانخېرىب ئىبادەتخانىسىدا ئۆز ئىلاھى نىسروكقا ئىبادەت قىلىۋاتقىنىدا، ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئادراممەلەك ۋە سارئەزەر ئۇنى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈپ، ئارارات زېمىنىغا قېچىپ كەتتى. سانخېرىبنىڭ يەنە بىر ئوغلى ئېسارخاددون ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. پادىشاھ خىزكىيا ھاكىمىيەت تۇتقان شۇ مەزگىللەردە، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغانىدى. ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەر ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگار ساڭا شۇنداق دەيدۇكى: «تەييارلىقلىرىڭنى قىلىپ قوي. ئەمدى سەن بۇ ئالەمدىن كېتىسەن، ساقىيالمايسەن»، _ دېدى. پادىشاھ خىزكىيا بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، تام تەرەپكە قاراپ، پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى: «ئى پەرۋەردىگار، ساڭا پۈتۈن ساداقىتىم، پۈتۈن جان-دىلىم بىلەن خىزمەت قىلغانلىقىمنى بىلىسەن. مەن دائىم سېنىڭ ئالدىڭدا سەن ياخشى دەپ ئويلىغان ئىشلارنى قىلىپ كەلدىم.» ئۇ شۇنداق دەپلا قاتتىق يىغلاپ كەتتى. يەشايا پەيغەمبەر خىزكىيانىڭ قېشىدىن چىقىپ كەتكەنىدى، ئۇ تېخى ئوتتۇرا ھويلىدىن ئۆتۈپ بولمايلا تۇرۇپ، پەرۋەردىگاردىن ئۇنىڭغا يەنە ۋەھىي كەلدى: «سەن خەلقىمگە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى خىزكىيانىڭ قېشىغا قايتىپ كىرىپ، ئۇنىڭغا: ‹پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادىڭ داۋۇت ئېتىقاد قىلغان خۇدا ساڭا: مەن سېنىڭ دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم ۋە كۆز يېشىڭنى كۆردۈم. مەن سېنى ساقايتىمەن، ئۈچىنچى كۈنى ئىبادەتخانامغا بارالايسەن. ساڭا يەنە 15 يىللىق ئۆمۈر قوشۇپ بەردىم. مەن سېنى ۋە بۇ شەھەرنى ئاسسۇر پادىشاھىدىن قۇتقۇزىمەن. مەن ئۆز شان-شەرىپىم ۋە خىزمەتكارىم داۋۇتنىڭ ھەق-ھۆرمىتى ئۈچۈن بۇ شەھەرنى قوغدايمەن، دېدى› دەپ ئېيتقىن.» يەشايا پەيغەمبەر خىزكىيانىڭ خىزمەتكارلىرىغا: _ ئەنجۈرنى ئېزىپ ئەكېلىڭلار، _ دېدى. ئۇلار ئەنجۈرنى ئەكېلىپ، ئۇنى خىزكىيانىڭ ئىششىقىغا چاپتى. كېيىن خىزكىيا ساقىيىپ كەتتى. خىزكىيا يەشايا پەيغەمبەردىن: «پەرۋەردىگار مېنى ساقايتىپ، ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىغا قايتا بارالايدىغانلىقىمدىن قانداق بېشارەت بېرىسەن؟» دەپ سورىغانىدى. يەشايا پەيغەمبەر ئۇنىڭغا: «مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ساڭا بەرگەن ۋەدىسىنىڭ بېشارىتىدۇر: پېتىۋاتقان قۇياش ئاخازنىڭ پەلەمپىيىگە سايە تاشلاپ تۇرۇپتۇ. سايە ئون بالداق ئالدىغا ماڭسۇنمۇ ياكى ئون بالداق كەينىگە ماڭسۇنمۇ؟» دېگەنىدى. خىزكىيا: «كۈن سايىسىنىڭ ئون بالداق ئالدىغا مېڭىشى ئاسان. ياق، كۈن سايىسى ئون بالداق كەينىگە ماڭسۇن» دېگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن يەشايا پەيغەمبەر پەرۋەردىگاردىن تىلىگەنىدى، پەرۋەردىگار پەلەمپەيدىكى ئالدىغا مېڭىپ كەتكەن سايىنى ئون بالداق كەينىگە سۈرۈلۈشكە بۇيرۇق قىلغانىدى. ئۇ چاغلاردا بالئاداننىڭ ئوغلى بابىل پادىشاھى مىروداك-بالئادان، پادىشاھ خىزكىيانىڭ كېسەل بولۇپ ساقايغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا مەكتۇپ ۋە سوۋغا-سالام بىلەن ئەلچى ئەۋەتتى. پادىشاھ خىزكىيا ئەلچىلەرنى قىزغىن كۈتۈۋالدى ھەمدە ئۇلارغا خەزىنىسىدىكى ئالتۇن، كۈمۈش، خۇش پۇراق بۇيۇملار، قىممەتلىك مايلار ۋە قورال ئامبىرىدىكى بارلىق قورال-ياراغ قاتارلىق ئۆزىنىڭ پۈتۈن بايلىقىنى كۆرسەتتى. پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئوردىسىدا، شۇنداقلا پادىشاھلىقىدا ئۇلارغا كۆرسەتمىگەن بىرمۇ نەرسە قالمىدى. يەشايا پەيغەمبەر پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئالدىغا كېلىپ: _ ئۇلار نېمە دېدى، قەيەردىن كەپتۇ؟ _ دەپ سورىدى. پادىشاھ خىزكىيا جاۋاب بېرىپ: _ ئۇلار يىراقتىكى بابىلدىن كەلگەنىكەن، _ دېدى. يەشايا پەيغەمبەر يەنە: _ ئۇلار سېنىڭ ئورداڭدا نېمىلەرنى كۆردى؟ _ دەپ سورىدى. پادىشاھ خىزكىيا: _ ئۇلار ئوردامدىكى جىمى نەرسىنى كۆردى، خەزىنەمدە ئۇلارغا كۆرسەتمىگەن ھېچقانداق نەرسە قالمىدى، _ دەپ جاۋاب بەردى. يەشايا پەيغەمبەر پادىشاھ خىزكىياغا مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگاردىن كەلگەن ۋەھىينى ئاڭلا. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «قۇلاق سال! شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا سېنىڭ ئەجدادلىرىڭ ھازىرغىچە توپلىغان بارلىق بايلىقلار بابىلغا توشۇپ كېتىلىدۇ، ھېچ نەرسەڭ قالمايدۇ. ئۆز ئەۋلادلىرىڭدىنمۇ بەزىلىرى سۈرگۈن قىلىنىدۇ. ئۇلار بابىلغا ئېلىپ بېرىلىپ، ئاختا قىلىنىپ، بابىل پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا خىزمەتكە سېلىنىدۇ.» پادىشاھ خىزكىيا يەشايا پەيغەمبەرگە: _ سەن يەتكۈزگەن پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىيسى ياخشى ئىكەن، _ دېدى. چۈنكى ئۇ كۆڭلىدە «ھېچبولمىغاندا مەن ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە تىنچ ۋە خاتىرجەم ياشايدىكەنمەن» دەپ ئويلىدى. خىزكىيا پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ياساتقان كۆل ۋە يەر ئاستى قانىلى ئارقىلىق شەھەرگە سۇ ئېلىپ كىرىلگەنلىكى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. خىزكىيا ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ئوغلى ماناسسە ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى. ماناسسە تەختكە چىققان چاغدا 12 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 55 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى خەفزىبا ئىدى. ماناسسە پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىلگەن يات ئەللەرنى دوراپ، يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلدى. ئۇ ئاتىسى خىزكىيا يوقىتىۋەتكەن غەيرىي سەجدىگاھلارنى قايتىدىن ياساتتى، يەنە خۇددى ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخابقا ئوخشاش بائالغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتىنى ياساتتى ھەمدە ھەر خىل ئاسمان جىسىملىرىغا چوقۇنۇپ، ئۇلارغا سەجدە قىلدى. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ: «يېرۇسالېم مېنىڭ ئۆيۈم بولسۇن» دېگەن جايىدا، يەنى يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا باشقا ئىلاھلارغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىلىرى ياساتتى. ئۇ يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىچكىرى ۋە تاشقىرى ھويلىلىرىغا ھەر خىل ئاسمان جىسىملىرى ئۈچۈن قۇربانلىق سۇپىلارنى ياساتتى. ئۇ ئۆز ئوغلىنى قۇربانلىق قىلىپ، ئوتتا كۆيدۈردى. پالچىلىق قىلىش، داخان ۋە باخشىلاردىن ياردەم سوراشتەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى كۆپلەپ قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. ئۇ يەنە ئۆزى ياساتقان ئىلاھە ئاشېرانىڭ بۇتىنى ئىبادەتخانىغا قويدى. پەرۋەردىگار بۇ ئىبادەتخانا توغرۇلۇق داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئوغلى سۇلايمانغا: «مەن ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە تەۋە شەھەرلەردىن تاللىۋالغان يېرۇسالېمدىكى مۇشۇ ئىبادەتخانا مېنىڭ مەڭگۈلۈك ئۆيۈم بولسۇن. ئىسرائىللار پەقەت مەن بۇيرۇغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە، يەنى مېنىڭ خىزمەتكارىم مۇسا ئارقىلىق ئۇلارغا چۈشۈرۈپ بەرگەن پۈتۈن قانۇنغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇنى بەجا كەلتۈرسە، مەن ئۇلارنى ئەجدادلىرىغا ئاتا قىلغان بۇ زېمىندىن ئايرىپ، يەنە سەرگەردان قىلمايمەن» دېگەنىدى. لېكىن ئۇلار قۇلاق سالمىدى. ماناسسە ئۇلارنى ئازدۇرۇپ، ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن يوقىتىلغان يات ئەللەردىنمۇ بەكرەك يامان ئىشلارنى قىلدى. شۇڭا پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق مۇنداق دېدى: «يەھۇدىيە پادىشاھى ماناسسە ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئامورلار قىلغان يامان ئىشلاردىنمۇ بەكرەك يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلغانلىقى ھەمدە بۇتپەرەسلىكى ئارقىلىق يەھۇدىيەلىكلەرنىمۇ گۇناھقا يېتەكلىگەنلىكى ئۈچۈن، مەن پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيمەن: ‹ئاڭلاڭلار، مەن يېرۇسالېمغا ۋە يەھۇدىيەگە شۇنداق بىر بالا-قازا ياغدۇرىمەنكى، ئۇنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى چۆچۈپ كېتىدۇ. مەن سامارىيە ۋە ئاخاب پادىشاھ جەمەتىگە ئىشلەتكەن ئۆلچەم تانىسىنى ئىشلىتىپ، يېرۇسالېمنى ئۆلچەيمەن، خۇددى تاۋاقنى چايقىغاندەك يېرۇسالېمنى چايقاپ، ئۇنى دۈم كۆمتۈرىمەن. مەن ئۆز خەلقىم ئىچىدىكى ھايات قالغانلاردىن ۋاز كېچىپ، ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن، ئۇلار بارلىق دۈشمەنلىرىنىڭ ئولجىسى ۋە ئۇرۇش غەنىيمەتلىرى بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى مىسىردىن چىققان كۈندىن باشلاپ تاكى ھازىرغىچە مېنىڭ نەزىرىمدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، مېنىڭ غەزىپىمنى قوزغاپ كەلدى›». ماناسسەنىڭ يەھۇدىيەلىكلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىشقا يېتەكلىگەن گۇناھىدىن باشقا، ئۇ يەنە نۇرغۇن گۇناھسىز كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۆكتى. يېرۇسالېمنىڭ بۇ چېتىدىن ئۇ چېتىگىچە بولغان ھەممە يەرنى قان بىلەن بويىدى. ماناسسە پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. ماناسسە ئۆلۈپ، ئۆز ئوردىسىدىكى ئۇززانىڭ بېغىغا دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئامون ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى. ئامون تەختكە چىققان چاغدا 22 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئىككى يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى مىشۇللەمەت بولۇپ، يوتباھ شەھىرىدىكى خارۇزنىڭ قىزى ئىدى. ئامون ئاتىسى ماناسسەگە ئوخشاش، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئۇ پۈتۈنلەي ئاتىسى ماڭغان يولدا ماڭدى. ئاتىسى چوقۇنغان بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ئۇلارغا سەجدە قىلدى. ئۇ پەرۋەردىگارنى _ ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانى تەرك ئەتتى، پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى تۇتمىدى. ئاموننىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا سۇيىقەست پىلانلاپ، ئۇنى ئوردىسىدا ئۆلتۈرۈۋەتتى. لېكىن خەلق ئامون پادىشاھقا سۇيىقەست قىلغان بارلىق كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئوغلى يوشىيانى ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. ئامون پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. ئۇ ئۇززانىڭ بېغىدىكى ئۆزىگە تەييارلىغان قەبرىگە دەپنە قىلىندى. ئوغلى يوشىيا ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى. يوشىيا تەختكە چىققان چاغدا سەككىز ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 31 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى يىدىدا بولۇپ، بوزقات شەھىرىدىكى ئادايانىڭ قىزى ئىدى. يوشىيا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئۇ ھەر ئىشتا ئەجدادى داۋۇتنىڭ يولىنى تۇتتى، چەتنەپ كەتمىدى. يوشىيا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 18-يىلى ئازاليانىڭ ئوغلى _ مىشۇللامنىڭ نەۋرىسى پۈتۈكچى شافاننى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئەۋەتىپ، مۇنداق دېدى: _ سەن باش روھانىي خىلقىيانىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا ئېيتقىن، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا تەقدىم قىلىنغان پۇللارنى، يەنى مۇھاپىزەتچى روھانىيلار خەلقتىن يىغقان پۇللارنى تەييارلاپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا مەسئۇل بولغۇچى قۇرۇلۇش نازارەتچىلىرىگە بەرسۇن. ئۇلار بۇ پۇلنى ئىبادەتخانىسىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشايدىغانلارنىڭ، يەنى ياغاچچى، قۇرۇلۇشچى، تامچىلارنىڭ ئىش ھەققىگە تۆلىسۇن. ئىبادەتخانىنى ئوڭشاشقا كېتىدىغان ياغاچ ماتېرىياللارنى ۋە يونۇپ تەييارلانغان تاشلارنى سېتىۋېلىشقا ئىشلەتسۇن. ئەمما نازارەتچىلەرگە بەرگەن پۇلنىڭ ھېساب-كىتابى قىلىنمىسۇن، چۈنكى ئۇلار ئىشنى سەمىمىيلىك بىلەن قىلىدۇ. باش روھانىي خىلقىيا پۈتۈكچى شافانغا: _ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن تەۋرات قانۇنى يازمىسىنى تاپتىم، _ دېدى ۋە يازمىنى ئۇنىڭغا بەردى. شافان ئۇنى ئوقۇدى. ئۇ پادىشاھنىڭ يېنىغا بېرىپ: _ خىزمەتكارلىرى ئىبادەتخانىدىكى پۇللارنى ئېلىپ چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا مەسئۇل بولغۇچى قۇرۇلۇش نازارەتچىلىرىگە تاپشۇرۇپ بەردى، _ دەپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلدى. ئاندىن شافان يەنە پادىشاھقا: _ باش روھانىي خىلقىيا ماڭا بىر يازما بەردى، _ دېدى ۋە ئۇنى پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئوقۇدى. پادىشاھ تەۋرات يازمىسىدىكى سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، ھەسرەتلىنىپ، كىيىملىرىنى يىرتتى. ئۇ باش روھانىي خىلقىيا، شافاننىڭ ئوغلى ئاخىقام، مىكايانىڭ ئوغلى ئاكبور، پۈتۈكچى شافان ۋە خىزمەتكارى ئاساياغا: _ ئەجدادلىرىمىز مۇشۇ يازمىغا پۈتۈلگەن سۆزلەرگە قۇلاق سالمىغانلىقتىن ۋە بىزگە يېزىپ بەرگەن ئەمرلىرىگە بويسۇنمىغانلىقتىن پەرۋەردىگار بىزگە قاتتىق غەزەپلىنىپتۇ. سىلەر بېرىپ، مەن ئۈچۈن ۋە پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقى ئۈچۈن، تېپىلغان مۇشۇ يازمىدىكى سۆزلەر توغرىسىدا پەرۋەردىگاردىن يوليورۇق سوراڭلار، _ دەپ بۇيرۇق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن باش روھانىي خىلقىيا، ئاخىقام، ئاكبور، شافان، ئاسايالار ئايال پەيغەمبەر خۇلداھ بىلەن كۆرۈشكىلى باردى. ئۇ شاللۇمنىڭ خوتۇنى ئىدى. شاللۇم كىيىم ساقلايدىغان ئامبارنى باشقۇرىدىغان ئادەم بولۇپ، ئۇ تىقۋاھنىڭ ئوغلى، خارخاسنىڭ نەۋرىسى ئىدى. خۇلداھ يېرۇسالېمنىڭ يېڭى مەھەللىسىدە ئولتۇراتتى. ئۇلار ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سورىدى. خۇلداھ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنى مېنىڭ ئالدىمغا ئەۋەتكەن كىشىگە بېرىپ ئېيتىڭلار: ‹ئاڭلا، مەن دەل يەھۇدىيە پادىشاھى ئوقۇغان ئاشۇ يازمىدا ئېيتىلغاندەك، بۇ يۇرتقا ۋە ئۇنىڭ ئاھالىسىگە بالا-قازا ياغدۇرىمەن، چۈنكى ئۇلارنىڭ مېنى تەرك ئېتىپ، باشقا ئىلاھلارغا قۇربانلىق كۆيدۈرۈشىدەك قىلمىشلىرى غەزىپىمنى كەلتۈردى. غەزەپ ئوتۇم مۇشۇ يەردە تۇتىشىدۇ، ئۆچمەيدۇ›». شۇڭا قۇلاق سالغىنكى، مەن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىدىغان بالا-قازانى سەن ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن ئەكەلمەيمەن. سەن ئۆز قەبرەڭگە تىنچ ھالدا دەپنە قىلىنىسەن. بۇ بالا-قازالارنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرمەيسەن». ئۇلار قايتىپ بېرىپ، بۇ سۆزلەرنى پادىشاھقا يەتكۈزدى. پادىشاھ يوشىيا يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدىكى بارلىق ئاقساقاللارنى چاقىرتىپ، ئۆز يېنىغا يىغدى. پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا باردى. پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقى، يېرۇسالېمدىكى پۈتۈن ئاھالىلەر، روھانىيلار، پەيغەمبەرلەر ۋە پۇقرالاردىن مەرتىۋىلىكلەرگىچە ھەممىسى كېلىشتى. پادىشاھ ئۇلارغا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن تېپىلغان يازمىغا پۈتۈلگەن ئەھدىنامىنى تولۇقى بىلەن ئۈنلۈك ئوقۇپ بەردى. پادىشاھ ئىبادەتخانىنىڭ بىر تۈۋرۈكى يېنىدا تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئەھدىنى قايتىدىن مۇقىملىدى. ئۇ پەرۋەردىگارغا چىن قەلبى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا، قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئىتائەت قىلىپ، بۇ يازمىدا پۈتۈلگەن ئەھدىنىڭ ھەممىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ۋەدە بەردى. پۈتۈن خەلقمۇ ئەگىشىپ، ۋەدە بېرىشتى. پادىشاھ يوشىيا باش روھانىي خىلقىيا، مۇئاۋىن روھانىيلار ۋە مۇھاپىزەتچى روھانىيلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى بائال، ئىلاھە ئاشېرا ۋە ھەر خىل ئاسمان جىسىملىرىغا ئاتاپ ياسالغان بارلىق بۇيۇملارنى ئېلىپ چىقىپ، يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدىكى قىدرون جىلغىسىنىڭ باغرىدا كۆيدۈرۈۋېتىشكە بۇيرۇدى. ئاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ كۈللىرىنى بەيتەلگە ئاپارغۇزدى. ئۇ ئىلگىرىكى يەھۇدىيە پادىشاھلىرى يەھۇدىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرى ۋە يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدىكى غەيرىي سەجدىگاھلاردا قۇربانلىق قىلىشقا قويغان بۇتپەرەس روھانىيلارنى بىكار قىلدى. ئۇلار بائال، كۈن، ئاي، يۇلتۇز تۈركۈملىرى ۋە بارچە يۇلتۇزلارغا قۇربانلىق قىلغانىدى. پادىشاھ يوشىيا ئىلاھە ئاشېرانىڭ بۇتىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن ئېلىپ چىققۇزۇپ، يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدىكى قىدرون جىلغىسىدا كۆيدۈرگۈزدى. ئاندىن كۆيمەي قالغان قالدۇقلىرىنى پارچىلاپ، ئاددىي پۇقرالار قەبرىستانلىقىغا چاچقۇزدى. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئەر ۋە ئايال پاھىشىلەر ئۈچۈن سېلىنغان ئۆيلەرنى چاقتۇرۇۋەتتى. ئاياللار بۇ يەردە ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرى ئۈچۈن لىباس توقۇغانىدى. ئۇ يەنە شەھەر باشلىقى يوشۇۋانىڭ نامىغا بېغىشلانغان شەھەر دەرۋازىسىنىڭ سول تەرىپىدىكى غەيرىي سەجدىگاھلارنى بۇزدۇرۇۋەتتى. ئۇ يەھۇدىيەنىڭ گەبادىن بەئەرشەباغىچە بولغان ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى غەيرىي سەجدىگاھلارنى بۇلغاپ ھارام قىلدى. شۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلغان بارلىق لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان روھانىيلارنى يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىشكە بۇيرۇدى. روھانىيلارنىڭ نېسىۋىسى بولغان پېتىر ناننى ئۇلارنىڭ ئۆز تۇغقانلىرى بىلەن بىللە يېيىشىگە رۇخسەت قىلسىمۇ، لېكىن يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىدا خىزمەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلمىدى. ئۇ يەنە ھېچكىمنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئىلاھ مولەككە ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ، ئوتتا كۆيدۈرمەسلىكى ئۈچۈن، بەنھىننوم جىلغىسىدىكى قۇربانلىق قىلىنىدىغان جاينى بۇلغاپ ھارام قىلدى. ئۇ يەنە يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ قۇياشقا ئاتىغان ئات ھەيكەللىرىنى ئىبادەتخانىدىن چىقىرىۋەتتى. ئات ھەيكەللەر ئىبادەتخانا ھويلىسىنىڭ دەرۋازىسىغا يېقىن جايلاشقان ئەمەلدار ناتان-مەلەكنىڭ ئىش ئۆيىنىڭ يېنىغا قويۇلغانىدى. يوشىيا قۇياشقا ئاتىغان جەڭ ھارۋىلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتتى. يەھۇدىيە پادىشاھلىرى ئاخاز پادىشاھنىڭ ئۆيىنىڭ ئۈستىدىكى بالىخانىسىنىڭ ئۆگزىسىگە سالدۇرغان قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ۋە ماناسسەنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىچكىرى ۋە تاشقىرى ھويلىلىرىغا سالدۇرغان قۇربانلىق سۇپىلىرىنى بۇزدۇرۇپ، كۇكۇم-تالقان قىلىپ، قالدۇقلىرىنى قىدرون جىلغىسىغا تۆكتۈرۈۋەتتى. پادىشاھ يوشىيا يەنە يېرۇسالېمنىڭ شەرقىگە جايلاشقان «چىرىكلىك تېغى»نىڭ جەنۇبىدىكى غەيرىي سەجدىگاھلارنى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى سۇلايمان سىدونلۇقلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھەسى ئاشتورەت، موئابلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھى كىموش ۋە ئاممونلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھى مولەككە ئاتاپ سالدۇرغان سەجدىگاھلارنى بۇلغاپ ھارام قىلدى. ئۇ تاش ئابىدىلەرنى چېقىۋەتتى ۋە ئىلاھە ئاشېرانىڭ بۇتلىرىنى ئۆرۈۋەتتى. ئۇ يەرلەرنى ئادەم ئۇستىخانلىرىغا تولدۇردى. بۇنىڭدىن باشقا، پادىشاھ يوشىيا ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىگەن نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ بەيتەلدىكى غەيرىي سەجدىگاھتا ياساتقان قۇربانلىق سۇپىسىنىمۇ كۇكۇم-تالقان قىلىپ، سەجدىگاھنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلدى، ئىلاھە ئاشېرانىڭ بۇتىنىمۇ كۆيدۈرۈۋەتتى. يوشىيا تاغدىكى قەبرىلەرنى كۆردى. قەبرىلەردىن ئۇستىخانلارنى چىقارغۇزۇپ، ئۇلارنى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرۈپ، ئۇ يەرنى بۇلغاپ ھارام قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىلگىرى يەھۇدىيەدىن كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى جاكارلىغان پەيغەمبەرنىڭ ئېيتقىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. يوشىيا: _ بۇ كىمنىڭ قەبرە تېشى؟ _ دەپ سورىدى. بەيتەللىكلەر ئۇنىڭغا: _ ئىلگىرى يەھۇدىيەدىن كېلىپ، سىزنىڭ مۇشۇ قۇربانلىق سۇپىسىنى بۇزدۇرىدىغان ئىشلىرىڭىزدىن ئالدىن بېشارەت بەرگەن پەيغەمبەرنىڭ، _ دېدى. شۇڭا پادىشاھ يوشىيا: _ چېقىلماڭلار، ئۇنىڭ ئارامىنى بۇزماڭلار! _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭ ۋە ئىسرائىلىيەلىك پەيغەمبەرنىڭ ئۇستىخىنىغا تەگمىدى. يوشىيا يەنە ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىرى سامارىيەگە قاراشلىق شەھەرلەردىكى غەيرىي سەجدىگاھلاردا ياساتقان، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرگەن ھەممە بۇتخانىلارنى چاقتۇرۇپ، خۇددى بەيتەلدە قىلغاندەك قىلدى. ئۇ غەيرىي سەجدىگاھلارنىڭ روھانىيلىرىنى قۇربانلىق سۇپىلىرىدا بوغۇزلاپ ئۆلتۈردى. قۇربانلىق سۇپىلىرى ئۈستىدە ئادەم ئۇستىخانلىرىنى كۆيدۈردى. ئاندىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى. پادىشاھ پۈتۈن خەلققە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ: _ مۇشۇ ئەھدىنامىدا يېزىلغىنىدەك پەرۋەردىگار _ سىلەر ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ئاتاپ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈڭلار، _ دېدى. ئىسرائىللارغا سەردارلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقىتلار بولسۇن ياكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرى بىلەن يەھۇدىيە پادىشاھلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقىتلار بولسۇن، ئۇلار ھېچقاچان بۇ قېتىمقىدەك ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈپ باقمىغانىدى. پەقەت يوشىيا پادىشاھ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 18-يىلىلا يېرۇسالېمدا پەرۋەردىگارغا ئاتالغان مۇشۇنداق ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈلدى. يوشىيا يەنە باش روھانىي خىلقىيا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن تېپىپ چىققان يازمىغا پۈتۈلگەن تەۋرات قانۇنىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەھۇدىيە بىلەن يېرۇسالېمدىكى بارلىق داخان، باخشىلارنى ۋە كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىدىكى بۇتلار بىلەن باشقا بۇتلارنى، شۇنداقلا باشقا يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى يوقاتتى. يوشىيادىن بۇرۇن ھېچقايسى پادىشاھ ئۇنىڭدەك چىن قەلبى، پۈتۈن ۋۇجۇدى ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇسا پەيغەمبەرنىڭ تەۋرات قانۇنىغا ئەگىشىپ، پەرۋەردىگارغا يۈزلىنىپ باقمىغانىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇنىڭدەك بىرەر پادىشاھ چىقمىدى. لېكىن پادىشاھ ماناسسەنىڭ قىلغان تۈرلۈك يامان ئىشلىرى سەۋەبىدىن پەرۋەردىگارنىڭ يەھۇدىيەگە بولغان كۈچلۈك غەزىپى يانمىدى. شۇڭا پەرۋەردىگار: «ئىسرائىلىيەلىكلەرنى تاشلىۋەتكەندەك، يەھۇدىيەلىكلەرنىمۇ ئالدىمدىن ھەيدىۋېتىمەن، ئۆزۈم تاللىغان شەھەر يېرۇسالېمنى ۋە ‹بۇ مېنىڭ ئۆيۈم بولسۇن› دېگەن ئىبادەتخانىنى تەرك ئېتىمەن» دېدى. يوشىيا پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان زاماندا پىرئەۋن نىكو ئاسسۇر پادىشاھىغا ياردەم بەرگىلى فىرات دەرياسى بويىغا كەلدى. يوشىيا پادىشاھ ئۇنىڭغا قارشى جەڭگە چىقتى. پىرئەۋن ئۇنى مىگىددودا كۆرۈپلا، يوشىيانى ئۆلتۈرۈۋەتتى. خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ جەسىتىنى مىگىددودىن جەڭ ھارۋىسى بىلەن يېرۇسالېمغا ئەكېلىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن تەييارلانغان قەبرىگە دەپنە قىلدى. خەلق يوشىيانىڭ كەنجى ئوغلى يوئاخازنى پادىشاھلىققا تاللاپ، بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئاتىسىنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. يوئاخاز تەختكە چىققان چاغدا 23 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئۈچ ئاي ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى خامۇتال بولۇپ، لىبناھ شەھىرىدىكى يەرەمىيانىڭ قىزى ئىدى. يوئاخاز خۇددى ئاتا-بوۋىلىرى قىلغاندەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. يىھوياقىم ئالتۇن ۋە كۈمۈشنى پىرئەۋنگە تۆلىدى. لېكىن ئۇ پىرئەۋننىڭ ئالتۇن-كۈمۈش جەرىمانىسىنى تۆلەش ئۈچۈن دۆلەتتىكى پۈتۈن ئاھالىلەرنىڭ يەرلىرىگە ئاساسەن ئۇلارغا مۇۋاپىق مىقداردا سېلىق قىلىپ چاچتى. يىھوياقىم تەختكە چىققان چاغدا 25 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 11 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى زىبۇدا بولۇپ، رۇماھ شەھىرىدىكى پىدايانىڭ قىزى ئىدى. يىھوياقىم خۇددى ئاتا-بوۋىلىرى قىلغاندەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. يىھوياقىمنىڭ ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر يەھۇدىيەگە ھۇجۇم قىلىپ كەلدى. يىھوياقىم ئۈچ يىل ئۇنىڭغا بويسۇنۇپ، ئاندىن ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈدى. شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇددى ئۆزىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئېيتقىنىدەك، بابىللىقلار، ئارراملار، موئابلار ۋە ئاممونلارنى يىھوياقىمغا قارشى ئەۋەتىپ، يەھۇدىيەنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدۇرۇپ، يەر بىلەن يەكسان قىلماقچى بولدى. بۇ ۋەقەنىڭ يەھۇدىيەنىڭ بېشىغا كېلىشى پۈتۈنلەي پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بولغانىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار ماناسسەنىڭ گۇناھلىرى ۋە قىلمىش-ئەتمىشلىرى تۈپەيلىدىن يەھۇدىيەلىكلەرنى ئۆزىنىڭ ھۇزۇرىدىن قوغلىماقچىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە پادىشاھ ماناسسە بىگۇناھ خەلقنىڭ قېنىنى تۆكۈپ، ئۇلارنىڭ قېنى بىلەن يېرۇسالېمنى بويىغاچقا، پەرۋەردىگار ئۇنى ھەرگىز كەچۈرمەيتتى. يىھوياقىم پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. يىھوياقىم ۋاپات بولدى. ئوغلى يىھوياكىن ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى. بۇ چاغدا پىرئەۋن ئۆز زېمىنىدىن سىرتقا يۈرۈش قىلىشقا چىقالمايدىغان بولۇپ قالغانىدى، چۈنكى بابىل پادىشاھى مىسىر چېگراسىدىكى دەريادىن تارتىپ تاكى فىرات دەرياسىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى مىسىرنىڭ پۈتۈن زېمىنلىرىنى ئىشغال قىلىۋالغانىدى. يىھوياكىن تەختكە چىققان چاغدا 18 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئۈچ ئاي ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى يېرۇسالېملىق ئەلناتاننىڭ قىزى نىخۇشتا ئىدى. يىھوياكىن خۇددى ئاتىسىغا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. بۇ چاغدا بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ قوشۇنى يېرۇسالېمغا كېلىپ، شەھەرنى قورشىۋالدى. قوشۇن شەھەرنى قورشاپ تۇرغاندا، پادىشاھ نىبۇكادنەزەرنىڭ ئۆزىمۇ يېرۇسالېمغا كەلدى. يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىن، ئانىسى، مەسلىھەتچىلىرى، سەركەردىلىرى ۋە ئەمەلدارلىرى بىلەن بابىل پادىشاھىغا تەسلىم بولدى. بابىل پادىشاھى ئۇنى تۇتقۇن قىلدى. بۇ بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ سەككىزىنچى يىلى ئىدى. بابىل پادىشاھى خۇددى پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ۋە ئوردىدىكى بارلىق بايلىقلارنى ئېلىپ كەتتى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى سۇلايمان ئىبادەتخانا ئۈچۈن ياساتقان ئالتۇن جابدۇقلارنىڭ ھەممىسىنى بۇزۇۋەتتى. ئۇ يېرۇسالېمدىكى ئاھالىلەر، سەركەردىلەر، پالۋانلار، ھۈنەرۋەنلەر ۋە تۆمۈرچىلەر بولۇپ، جەمئىي ئون مىڭ ئادەمنى سۈرگۈن قىلدى. يۇرتتا پەقەت كەمبەغەل كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم قالمىدى. ئۇ پادىشاھ يىھوياكىن، خان ئانىسى، پادىشاھنىڭ خوتۇنلىرى، ئەمەلدارلىرى ۋە ئەلدىكى كاتتا زاتلارنى تۇتقۇن قىلىپ، يېرۇسالېمدىن بابىلغا ئېلىپ كەتتى. ئۇ بابىلغا ئېلىپ كەتكەن يەتتە مىڭ لەشكەر، مىڭ ھۈنەرۋەن ۋە تۆمۈرچىلەرنىڭ ھەممىسى جەڭ قىلىشقا ماھىر ۋە جەڭگە پايدىلىق ئادەملەر ئىدى. بابىل پادىشاھى يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىننىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ تاغىسى ماتتانيانى پادىشاھ قىلىپ، ئىسمىنى زىدقىياغا ئۆزگەرتتى. زىدقىيا تەختكە چىققان چاغدا 21 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 11 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى خامۇتال بولۇپ، لىبناھ شەھىرىدىكى يەرەمىيانىڭ قىزى ئىدى. زىدقىيا خۇددى يىھوياقىمغا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيە خەلقىگە بولغان غەزىپى چېكىگە يېتىپ، ئۇلارنى ھۇزۇرىدىن قوغلىماقچى بولدى. زىدقىيا بابىل پادىشاھىدىن يۈز ئۆرۈدى. زىدقىيا پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 9-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر پۈتۈن قوشۇنلىرى بىلەن يېرۇسالېمغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئۇ شەھەرنىڭ سىرتىغا بارگاھ قۇرۇپ، شەھەرنىڭ ئەتراپىغا توسۇق تاملىرىنى ياساپ، شەھەرنى قورشىۋالدى. شۇنداق قىلىپ شەھەر تاكى زىدقىيا پادىشاھنىڭ 11-يىلىغىچە قورشاۋ ئىچىدە تۇردى. 4-ئاينىڭ 9-كۈنىگە كەلگەندە خەلقنىڭ ئوزۇقى تۈگەپ، شەھەردە قاتتىق ئاچارچىلىق يۈز بەردى. بابىللىقلار ئاخىرى شەھەر سېپىلىنى بۇزدى. گەرچە بابىللىقلار شەھەرنى ھەممە تەرەپتىن قورشاپ تۇرغان بولسىمۇ، يېرۇسالېمدىكى لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسى پادىشاھى زىدقىياغا ئەگىشىپ، كەچتە پادىشاھنىڭ بېغىنىڭ يېنىدىكى ئىككى سېپىل ئارىسىدىكى دەرۋازا ئارقىلىق تۈزلەڭلىككە قاراپ قاچتى. بىراق بابىللىقلارنىڭ قوشۇنى پادىشاھنى قوغلاپ، ئېرىخا تۈزلەڭلىكىدە ئۇنىڭغا يېتىشىۋالدى. ئۇنىڭ پۈتۈن قوشۇنى ئۇنى تاشلاپ تەرەپ-تەرەپكە پىتىراپ كەتتى. بابىللىقلار زىدقىيا پادىشاھنى تۇتۇپ، ئۇنى خامات رايونىدىكى رىبلاھ شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. بابىل پادىشاھى شۇ يەردە ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆلتۈردى. ئۇنىڭ كۆزىنى ئويۇۋېلىپ، ئۇنى تۇچ كىشەن بىلەن كىشەنلەپ، بابىلغا ئېلىپ باردى. شۇ يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى، يەنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 19-يىلى، بابىل پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارى، يەنى ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان يېرۇسالېمغا كەلدى. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا، پادىشاھ ئوردىسىغا ۋە يېرۇسالېمدىكى بارلىق ئۆيلەرگە، بولۇپمۇ كاتتا زاتلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتتى. ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان بىلەن كەلگەن بابىل لەشكەرلىرى يېرۇسالېمنىڭ پۈتۈن سېپىلىنى چېقىۋەتتى. شەھەردە قالغان ئاھالىلەر ۋە بابىل پادىشاھىغا بۇرۇن تەسلىم بولغانلار ھەم قالغان خەلقنى ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان يالاپ ئېلىپ كەتتى. بىر قىسىم نامراتلارنى ئۈزۈمچىلىك ۋە دېھقانچىلىق قىلىشقا قالدۇردى. بابىللىقلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدىكى ئىككى تۇچ تۈۋرۈكنى، ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىدىكى تۇچ داسلار قويۇلغان تۇچ ھارۋىلارنى ۋە «دېڭىز» دەپ ئاتالغان تۇچ داڭقاننى بۇزۇپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى. ئۇلار يەنە كۈل قاچىسى، گۈرجەك، پىلىك قايچىسى، ئىسرىق تەخسىلىرىنى ۋە ئىبادەتخانىدىكى خىزمەت جەريانىدا ئىشلىتىدىغان باشقا تۇچ ئەسۋابلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەتتى. بۇنىڭدىن باشقا، ئالتۇن ۋە كۈمۈش چوغدانلارنى، قۇربانلىقنىڭ قېنىنى چاچىدىغان ئالتۇن ۋە كۈمۈش داسلارنى ئېلىپ كەتتى. پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا سۇلايمان پادىشاھ ياساتقان ئىككى تۈۋرۈك، داڭقان ۋە ھارۋىلارغا ھەددى-ھېسابسىز تۇچ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئېغىرلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى. ھەربىر تۇچ تۈۋرۈكنىڭ ئېگىزلىكى توققۇز مېتىر ئىدى. تۈۋرۈكنىڭ بېشىدا تۇچتىن ياسالغان ئايرىم باش بولۇپ، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى بىر يېرىم مېتىر ئىدى. تۈۋرۈك بېشىنى ئوراپ تۇرىدىغان تورسىمان بېزەك ۋە ئانارلار بولۇپ، ھەممىسى تۇچتىن ياسالغانىدى. تۈۋرۈكنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە ئوخشاش تورسىمان بېزەك بار ئىدى. ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان، باش روھانىي سىرايانى، مۇئاۋىن روھانىي زىفانىيانى، ئۈچ مۇھاپىزەتچى روھانىينى، شەھەردە قېلىپ قالغان لەشكەرلەرنى نازارەت قىلىدىغان بىر ئەمەلدارنى، پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىلىرىدىن بەش ئادەمنى، ئاھالىلەرنى تىزىملايدىغان لەشكىرىي پۈتۈكچىنى ۋە شەھەردە تېپىۋېلىنغان ئاتمىش سەھرالىقنى تۇتتى. نىبۇزارئادان ئۇلارنى خامات رايونىدىكى رىبلاھتا تۇرۇۋاتقان بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. بابىل پادىشاھى ئۇلارنى رىبلاھتا ئۆلتۈردى. شۇنداق قىلىپ يەھۇدىيە خەلقى سۈرگۈن قىلىنىپ، ئۆز زېمىنىدىن ئايرىلدى. بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ئۆزى يەھۇدىيە زېمىنىدا قالدۇرۇپ قويغان ئاھالىلەرنى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئاخىقامنىڭ ئوغلى _ شافاننىڭ نەۋرىسى گىداليانى ۋالىيلىققا تەيىنلىدى. يەھۇدىيەنىڭ باشقا يەرلەردىكى قوشۇنلىرىنىڭ سەركەردىلىرى ۋە لەشكەرلىرى بابىل پادىشاھىنىڭ گىداليانى قېلىپ قالغان ئاھالىلەرنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى مىزپاھقا كەلدى. ئۇلار نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل، قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان، تانخۇمەتنىڭ ئوغلى نىتوفالىق سىرايا، مائاكا جەمەتىدىن بولغان يائازانيا ۋە ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرى ئىدى. گىداليا ئۇلارغا ۋە ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرىگە قەسەم قىلىپ: «سىلەر بابىللىق ئەمەلدارلاردىن قورقماڭلار، بۇ زېمىندا ياشاپ، بابىل پادىشاھىغا بويسۇنساڭلار، ئامان-ئېسەن بولىسىلەر» دېدى. لېكىن كۈز كەلگەندە، پادىشاھ جەمەتىدىن بولغان نىتانيانىڭ ئوغلى _ ئەلىشامانىڭ نەۋرىسى ئىسمائىل ئۆزىگە ئون ئادەمنى ھەمراھ قىلىپ، مىزپاھقا كېلىپ، گىداليانى ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى يەھۇدىيەلىكلەر بىلەن بابىللىقلارنى قەتل قىلدى. شۇ سەۋەبتىن، پۇقرالاردىن مەرتىۋىلىكلەرگىچە ھەممىسى سەركەردىلەرگە قوشۇلۇپ، مىسىرغا قاراپ قاچتى، چۈنكى ئۇلار بابىللىقلاردىن قورقاتتى. يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىن سۈرگۈندە يۈرگىنىگە 37 يىل بولغاندا، ئەۋىل-ماردۇق بابىل پادىشاھى بولۇپ، تەختكە چىقتى. شۇ يىلى 12-ئېيىنىڭ 27-كۈنى ئۇ يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىنغا شەپقەت كۆرسىتىپ، ئۇنى زىنداندىن ئېلىپ چىقتى. ئەۋىل-مىروداك ئۇنىڭغا چىرايلىق گەپ قىلىپ، ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى بابىلدا ئۇنىڭ قاتارىدا تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان پادىشاھلارنىڭ ئارىسىدا ھەممىدىن ئۈستۈن قىلدى. يىھوياكىن مەھبۇسلۇق كىيىمىنى سېلىۋەتتى، ئۆمۈر بويى پادىشاھ بىلەن ھەمداستىخان بولدى. ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش خىراجىتىنى پادىشاھ ئۆمۈر بويى ئۈزۈلدۈرمەي تەمىنلەپ بەردى. ئادەمئاتىدىن سېت تۆرەلدى، سېتنىڭ ئەۋلادلىرى: ئەنوش، قېنان، ماھالالئېل، يەرەد، خانوك، مىتۇشەلاخ، لەمەك ۋە نۇھ. نۇھنىڭ سام، ھام ۋە يەفەت ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بار ئىدى. يەفەتنىڭ ئوغۇللىرى: گومەر، مەجۈج، ماداي، ياۋان، تۇبال، مەشەك ۋە تىراس. گومەرنىڭ ئەۋلادلىرى: ئاشكىناز، رىفات ۋە توگارما. ياۋاننىڭ ئەۋلادلىرى: ئەلىشا، تارشىش، كىتتىم ۋە رودانىم. ھامنىڭ ئەۋلادلىرى: كۇش، مىسىر، پۇت ۋە كەنئان. كۇشنىڭ ئەۋلادلىرى: سىبا، خاۋىلا، سابتا، راماھ ۋە سابتىكا. راماھنىڭ ئەۋلادلىرى: شىبا ۋە دىدان. كۇشنىڭ نىمرود ئىسىملىك بىر ئوغلى بولۇپ، ئۇ يەر يۈزىدىكى بىرىنچى باتۇر ھېسابلىناتتى. مىسىرنىڭ ئەۋلادلىرى: لۇدلار، ئاناملار، لىھابلار، نافتۇخلار، پاترۇسلار، كاسلۇخلار ۋە كافتورلار. فىلىستىيەلىكلەر بولسا كاسلۇخلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئىدى. كەنئاننىڭ تۇنجى ئوغلى سىدون بولۇپ، ئۇ سىدونلارنىڭ ئەجدادىدۇر. كەنئان يەنە خىتلارنىڭ ئەجدادىدۇر. كەنئاندىن يەنە يىبۇس، ئامور، گىرگاش، خىۋ، ئارقى، سىن، ئارۋاد، زىمار ۋە خاماتلارمۇ كېلىپ چىقتى. سامنىڭ ئەۋلادلىرى: ئېلام، ئاسسۇر، ئارپاكشاد، لۇد ۋە ئاررام. ئاررامنىڭ ئەۋلادلىرى: ئۇز، خۇل، گەتەر ۋە مەشەك. ئارپاكشاد شەلاخنىڭ ئاتىسى بولۇپ، شەلاخ بولسا ئېبەرنىڭ ئاتىسى ئىدى. ئېبەردىن ئىككى ئوغۇل تۆرەلدى. بىرىنىڭ ئىسمى پەلەگ ئىدى. ئۇ ياشىغان دەۋردە ئىنسانلار بۆلۈنۈشكە باشلىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا پەلەگ دېگەن بۇ ئىسىم قۇيۇلغان ئىدى. ئۇنىڭ ئىنىسىنىڭ ئىسمى يوقتان ئىدى. يوقتاننىڭ ئەۋلادلىرى: ئالموداد، شەلەف، خازارماۋەت، يەراھ ھادورام، ئۇزال، دىقلاھ ئېبال، ئابىمائېل، شىبا ئوفىر، خاۋىلا ۋە يوباب. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى يوقتاننىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. سامدىن ئىبرامغىچە بولغان ئەۋلادلار تۆۋەندىكىچە: سام، ئارپاكشاد، شەلاخ، ئېبەر، پەلەگ، رىئۇ، سىرۇگ، ناخور، تەراھ ۋە ئىبرام، يەنى ئىبراھىم. ئىبراھىمنىڭ ئوغۇللىرى ئىسھاق ۋە ئىسمائىلدۇر. ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: ئىسمائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى نىبايوت، كېيىنكى ئوغۇللىرى: قېدار، ئادبىئېل، مىبسام، مىشما، دۇماھ، ماسا، خاداد، تەما، يىتۇر، نافىش ۋە قېدىماھ. مانا بۇلار ئىسمائىلنىڭ ئوغۇللىرىدۇر. ئىبراھىمنىڭ توقىلى قىتۇرا ئۇنىڭغا زىمران، يوقشان، مىدان، مىديان، يىشباق ۋە شۇۋاخ قاتارلىق ئوغۇللارنى تۇغۇپ بەرگەن بولۇپ، يوقشاننىڭ شىبا ۋە دىدان ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. مىدياننىڭ ئېفاھ، ئېفەر، خانوك، ئابىدا ۋە ئەلدائا قاتارلىق ئوغۇللىرى بار ئىدى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى قىتۇرانىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. ئىبراھىم ئىسھاقنىڭ ئاتىسىدۇر، ئىسھاقنىڭ ئەساۋ ۋە ئىسرائىل ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. ئەساۋنىڭ ئوغۇللىرى: ئەلىفاز، رىئۇئېل، يىئۇش، يالام ۋە كوراھ. ئەلىفازنىڭ ئوغۇللىرى: تېمان، ئومار، زىفو، گاتام، قېناز ۋە ئۇنىڭ تىمنا ئىسىملىك ئايالىدىن بولغان ئوغلى ئامالەك. رىئۇئېلنىڭ ئوغۇللىرى: ناخات، زەراخ، شامماھ ۋە مىززاھ. سەئىرنىڭ ئەۋلادلىرى: لوتان، شوبال، زىبئون، ئاناھ، دىشون، ئېزېر ۋە دىشان. لوتاننىڭ ئەۋلادلىرى: خورى ۋە ھومام. يەنە لوتاننىڭ سىڭلىسى تىمنامۇ بار. شوبالنىڭ ئەۋلادلىرى: ئاليان، ماناخات، ئېبال، شىفو ۋە ئونام. زىبىئوننىڭ ئەۋلادلىرى: ئايياھ ۋە ئاناھ. ئاناھنىڭ ئوغلى: دىشون. دىشوننىڭ ئەۋلادلىرى: خامران، ئەشبان، يىتران ۋە كىران. ئېزېرنىڭ ئەۋلادلىرى: بىلھان، زائاۋان ۋە يائاقان. دىشاننىڭ ئەۋلادلىرى: ئۇز ۋە ئاران. ئىسرائىللارنىڭ تېخى ئۆز پادىشاھى بولماستا، ئىدوملۇقلارنىڭ پادىشاھى بار بولغان بولۇپ، بىئورنىڭ ئوغلى بەلا ئۇلارغا پادىشاھ ئىدى، ئۇ دىنھابا دېگەن شەھەردە تۇراتتى. بەلا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورنىغا زەراخنىڭ ئوغلى بوزرالىق يوباب چىقتى. يوباب ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئورنىغا تېمان رايونىدىن كەلگەن خۇشام چىقتى. خۇشام ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورنىغا بىدادنىڭ ئوغلى ھاداد چىقتى. ئۇ مىديانلارنى موئاب زېمىنىدا تارمار قىلغانىدى. ئۇ تۇرغان شەھەرنىڭ ئىسمى ئاۋىت ئىدى. ھاداد ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورنىغا ماسرېقالىق ساملاھ چىقتى. ساملاھ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورنىغا فىرات دەرياسى بويىغا جايلاشقان رىھوبوت شەھىرىدىن كەلگەن شائۇل چىقتى. شائۇل ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورنىغا ئاكبورنىڭ ئوغلى بائال-خانان چىقتى. بائال-خانان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورنىغا ھاداد چىقتى. ئۇ تۇرغان شەھەرنىڭ ئىسمى پائۇ ئىدى. ئۇنىڭ ئايالى مىھېتابىئېل ماترېدنىڭ قىزى بولۇپ، بوۋىسىنىڭ ئىسمى مىزاھاب ئىدى. ئاخىرىدا ھادادمۇ ئالەمدىن ئۆتتى. ئىدوملۇقلارنىڭ يولباشچىلىرى تۆۋەندىكىچە: تىمنا، ئالۋاھ، يىتېت، ئوھولىباما، ئەلاھ، پىنون، قېناز، تېمان، مىبزار، ماگدىئېل ۋە ئىرام. مانا بۇلار ئىدوملۇقلارنىڭ يولباشچىلىرىدۇر. ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى تۆۋەندىكىچە: رۇبېن، شىمون، لاۋىي، يەھۇدا، ئىسساكار، زەبۇلۇن، دان، يۈسۈپ، بىنيامىن، نافتالى، گاد ۋە ئاشېر. يەھۇدانىڭ ئېر، ئونان ۋە شېلاھ ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بولۇپ، بۇ ئۈچ ئوغۇلنى ئۇنىڭغا كەنئانلىق ئايالى باتشۇۋا تۇغۇپ بەرگەنىدى. يەھۇدانىڭ تۇنجى ئوغلى ئېر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ جېنىنى ئالدى. يەھۇدانىڭ كېلىنى تامارمۇ ئۇنىڭغا پەرەس ۋە زەراخ ئىسىملىك ئىككى ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. يەھۇدانىڭ جەمئىي بەش ئوغلى بار ئىدى. پەرەسنىڭ خەزرون ۋە خامۇل ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. زەراخنىڭ بەش ئوغلى بولۇپ، ئۇلار زىمرى، ئېتان، ھېمان، كالكول ۋە دارا ئىدى. كارمى دېگەن ئادەمنىڭ ئاكان [مەنىسى «كۈلپەت»] ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىدى. ئاكان پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نەرسىلەرنىڭ بىر قىسمىنى ئېلىۋېلىپ، ئىسرائىل خەلقىگە كۈلپەت كەلتۈرگەنىدى. ئېتاننىڭ ئوغلى ئازاريا ئىدى. خەزروننىڭ يىراخمىئېل، رام ۋە كالىب ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. رامدىن ئاممىناداب تۆرەلدى، ئاممىناداب يەھۇدا خەلقنىڭ يولباشچىسى ناخشوننىڭ ئاتىسى ئىدى. ناخشوندىن سالما تۆرەلدى، سالمادىن بوئاز تۆرەلدى، بوئازدىن ئوبېد تۆرەلدى، ئوبېدتىن يىشاي تۆرەلدى. يىشاينىڭ يەتتە ئوغلى بولۇپ، تۇنجى ئوغلى ئەلىئاب، ئىككىنچىسى ئابىناداب، ئۈچىنچىسى شىمئا، تۆتىنچىسى نىتانئېل، بەشىنچىسى رادداي، ئالتىنچىسى ئوزېم، يەتتىنچىسى داۋۇت ئىدى. ئۇلارنىڭ يەنە زىرۇيا ۋە ئابىگال ئىسىملىك سىڭىللىرى بار ئىدى. زىرۇيانىڭ ئۈچ ئوغلى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ئابىشاي، يوئاب ۋە ئاسائېل ئىدى. ئابىگال ئىسمائىل خەلقىدىن بولغان يەتەرگە ياتلىق بولۇپ، ئاماسانى تۇغدى. خەزروننىڭ ئوغلى كالىبنىڭ ئازۇبا ۋە يىرىئوت ئىسىملىك ئاياللىرى بار ئىدى. ئازۇبادىن يېشەر، شوباب ۋە ئاردون ئىسىملىك ئوغۇللار تۆرەلدى. ئازۇبا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، كالىب ئەفراتاغا ئۆيلەندى. ئەفراتا ئۇنىڭغا خۇرنى تۇغۇپ بەردى. خۇردىن ئۇرى تۆرەلدى، ئۇرىدىن بىزالئېل تۆرەلدى. خەزرون ئاتمىش ياشقا كىرگەندە، ماكىرنىڭ قىزى، يەنى گىلئادنىڭ سىڭلىسىغا ئۆيلىنىپ، ئۇنىڭدىن سىگۇب ئىسىملىك بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆردى. سىگۇبتىن يائىر تۆرەلدى. ئۇ گىلئادتىكى يىگىرمە ئۈچ شەھەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلدى. كېيىن گىشۇر ۋە ئاررام خەلقى يائىر شەھىرىنى، شۇنداقلا قېنات شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاتمىش يېزىنى ئىشغال قىلدى. بۇ يەرلەردە ياشاۋاتقان خەلق گىلئادنىڭ ئاتىسى ماكىرنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. خەزرون كالىب-ئەفراتا شەھىرىدە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئېغىر ئاياغ ئايالى ئابىيا ئاشخۇر ئىسىملىك بىر ئوغۇل تۇغدى. ئاشخۇر تىقوۋا شەھىرىنى بىنا قىلدى. خەزروننىڭ تۇنجى ئوغلى يىراخمىئېلدىن تۆرەلگەن ئوغۇللار: تۇنجى ئوغلى رام، بۇناھ، ئورەن، ئوزېم ۋە ئاخىيا. يىراخمىئېلنىڭ ئاتارا ئىسىملىك يەنە بىر ئايالى بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئونام تۇغۇلدى. يىراخمىئېلنىڭ تۇنجى ئوغلى رامدىن مائاز، يامىن ۋە ئېقەر تۆرەلدى. ئونامنىڭ شامماي ۋە يادا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. شامماي ناداب ۋە ئابىشۇر ئىسىملىك ئوغۇل پەرزەنتلەرنى كۆردى. ئابىشۇرنىڭ ئابىھايىل ئىسىملىك ئايالى بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئاخبان ۋە مولىد ئىسىملىك ئوغۇللار تۇغۇلدى. نادابنىڭ سەلەد ۋە ئاپپايىم ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. سەلەد پەرزەنت كۆرمەي ئالەمدىن ئۆتتى. ئاپپايىم يىشئىنىڭ ئاتىسى، يىشئى شېشاننىڭ ئاتىسى، شېشان ئاخلاينىڭ ئاتىسى ئىدى. شامماينىڭ ئىنىسى يادانىڭ يەتەر ۋە يوناتان ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. يەتەر پەرزەنت كۆرمەي ئالەمدىن ئۆتتى. يوناتاننىڭ پەلەت ۋە زازا ئىسىملىك ئىككى ئوغلى بار ئىدى. مانا شۇلارنىڭ ھەممىسى يىراخمىئېلنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. شېشاننىڭ ئوغلى يوق، پەقەت قىزلىرى بار ئىدى. شېشاننىڭ يەنە يارخا ئىسىملىك بىر مىسىرلىق قۇلى بار ئىدى. شېشان قىزىنى قۇلى يارخاغا ياتلىق قىلدى. ئۇلار ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئىسمىنى ئاتتاي قويۇشتى. ئاتتايدىن ناتان تۆرەلدى، ناتاندىن زاباد تۆرەلدى، زابادتىن ئەفلال تۆرەلدى، ئەفلالدىن ئوبېد تۆرەلدى، ئوبېدتىن يېھۇ تۆرەلدى، يېھۇدىن ئازاريا تۆرەلدى، ئازاريادىن خەلەز تۆرەلدى، خەلەزدىن ئەلئاسا تۆرەلدى، ئەلئاسادىن سىسماي تۆرەلدى، سىسمايدىن شاللۇم تۆرەلدى، شاللۇمدىن يىقاميا تۆرەلدى، يىقاميادىن ئەلىشاما تۆرەلدى. يىراخمىئېلنىڭ ئاكىسى كالىبنىڭ ئىككى ئوغلى بولۇپ، تۇنجىسىنىڭ ئىسمى مېشا، كەنجىسىنىڭ ئىسمى مارېشا ئىدى. مېشادىن زىف تۆرەلدى، مارېشادىن ھىبرون تۆرەلدى. ھىبرون كوراھ، تاپپۇۋاخ، رەقەم ۋە شەما ئىسىملىك ئوغۇللارنى كۆردى. شەمادىن راخام تۆرەلدى، راخامدىن يورقوئام تۆرەلدى. رەقەمدىن شامماي تۆرەلدى. شاممايدىن مائون تۆرەلدى، مائوندىن بەيتزۇر تۆرەلدى. كالىبنىڭ ئېفاھ ئىسىملىك توقىلى ئۇنىڭغا ھاران، موزا ۋە گازېزنى تۇغۇپ بەردى. ھاراندىن گازېز تۆرەلدى. ئېفاھنىڭ ئاتىسى يوداينىڭ يەنە رەگېم، يوتەم، گېشان، پەلەت ۋە شائاف ئىسىملىك ئوغۇللىرىمۇ بار ئىدى. كالىبنىڭ مائاكا ئىسىملىك يەنە بىر توقىلى ئۇنىڭغا شەبەر ۋە تىرخانا ئىسىملىك ئوغۇللارنى تۇغۇپ بەردى. كېيىن ئۇ يەنە شائاف ۋە شىۋا ئىسىملىك ئىككى ئوغۇل تۇغدى. شائاف مادماننا شەھىرىگە، شىۋا ماكبېنا ۋە گىبئا شەھىرىگە ئاساس سالدى. كالىبنىڭ ئاكساھ ئىسىملىك يەنە بىر قىزىمۇ بار ئىدى. مانا بۇلار كالىبنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. كالىبنىڭ ئايالى ئەفراتادىن تۇغۇلغان تۇنجى ئوغلى خۇر ئۈچ ئوغۇل كۆردى. بىرىنچىسىنىڭ ئىسمى شوبال بولۇپ، ئۇ قىريات-يىئارىم شەھىرىگە ئاساس سالدى. ئىككىنچىسىنىڭ ئىسمى سالما بولۇپ، ئۇ بەيتلەھەم شەھىرىگە ئاساس سالدى. ئۈچىنچىسىنىڭ ئىسمى خارېف بولۇپ، ئۇ بەيت-گادېر شەھىرىگە ئاساس سالدى. سالمانىڭ ئەۋلادلىرى: بەيتلەھەملىكلەر، نىتوفالار، ئاتروت-بەيتيوئابلار، ماناخاتلىقلارنىڭ يېرىمى ۋە زورئاھلار. يابېز شەھىرىدە ياشىغان تىرا، شىما ۋە سۇكا ئىسىملىك پۈتۈكچىلەرنىڭ جەمەتلىرىمۇ سالما ئەۋلادلىرىدىن كېلىپ چىققانىدى. ئۇلار خامماتتىن بولغان قېنلار بولۇپ، خاممات رېكابنىڭ ئەجدادى ئىدى. داۋۇتنىڭ ھىبروندا تۇغۇلغان ئوغۇللىرى تۆۋەندىكىلەر: تۇنجىسى يىزرىئەللىك ئاخىنوئامدىن تۇغۇلغان ئامنون، ئىككىنچىسى كارمەللىك ئابىگالدىن تۇغۇلغان دانىيال، ئۈچىنچىسى گىشۇرنىڭ پادىشاھى تالماينىڭ قىزى مائاكادىن تۇغۇلغان ئابسالوم، تۆتىنچىسى خاگگىتتىن تۇغۇلغان ئادونىيا، بەشىنچىسى ئابىتالدىن تۇغۇلغان شىفاتيا، ئالتىنچىسى داۋۇتنىڭ يەنە بىر ئايالى ئەگلاھتىن تۇغۇلغان يىترىئامدۇر. داۋۇت ھىبروندا يۇقىرىدىكى ئالتە پەرزەنتنى كۆردى. ئۇ ھىبروندا يەتتە يېرىم يىل، يېرۇسالېمدا ئوتتۇز ئۈچ يىل پادىشاھ بولدى. داۋۇتنىڭ يېرۇسالېمدا تۇغۇلغان ئوغۇللىرى تۆۋەندىكىلەر: شىمئا، شوباب، ناتان ۋە سۇلايمان. بۇ تۆت ئوغۇل ئاممىئېلنىڭ قىزى باتشەبادىن تۇغۇلغان. ئۇلاردىن باشقا داۋۇتنىڭ يەنە توققۇز ئوغلى بولۇپ، ئۇلار يىبخار، ئەلىشۇۋا، ئەلىفەلەت، نوگاھ، نەفەگ، يافىيا، ئەلىشاما، ئەليادا ۋە ئەلىفەلەتلەر ئىدى. داۋۇت بۇ ئوغۇللاردىن باشقا توقاللىرىدىنمۇ ئوغۇللارنى كۆرگەنىدى. ئۇنىڭ يەنە تامار ئىسىملىك قىزىمۇ بار ئىدى. سۇلايماننىڭ ئەۋلادلىرىدىن چىققان پادىشاھلار تۆۋەندىكىلەر: رىخوبئام، ئابىيا، ئاسا، يىھوشافات، يىھورام، ئاخازيا، يوئاش، ئامازيا، ئازاريا، يوتەم، ئاخاز، خىزكىيا، ماناسسە، ئامون ۋە يوشىيا. يوشىيانىڭ ئوغۇللىرى: تۇنجى ئوغلى يوخانان، ئىككىنچى ئوغلى يىھوياقىم، ئۈچىنچى ئوغلى زىدقىيا ۋە تۆتىنچى ئوغلى شاللۇم. يىھوياقىمغا ۋارسلىق قىلغۇچىلار: ئوغلى يىھوياكىن ۋە يىھوياقىمنىڭ ئىنىسى زىدقىيا. بابىلغا ئەسىر ئېلىپ كېتىلگەن پادىشاھ يىھوياكىننىڭ ئەۋلادلىرى: شىئالتېل، مالكىرام، پىدايا، شەنئاززار، يىقاميا، ھوشاما ۋە نىدابىيا. پىدايانىڭ ئوغۇللىرى: زىرۇببابەل ۋە شىمئى. زىرۇببابەلنىڭ مىشۇللام، خانانيا ئىسىملىك ئوغۇللىرى ۋە شىلومىت ئىسىملىك بىر قىزى بار ئىدى. ئۇلاردىن باشقا زىرۇببابەلنىڭ يەنە خاشۇبا، ئوھەل، بەرەكيا، خاساديا ۋە يۇشاب-خەسەد ئىسىملىك بەش ئوغلى بار ئىدى. خانانيانىڭ پىلاتيا ۋە يىشايا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولۇپ، يىشايادىن رىفايا تۆرەلدى، رىفايادىن ئارنان، ئارناندىن ئوبادىيا، ئوبادىيادىن شىكانيا تۆرەلدى. شىكانيانىڭ ئەۋلادلىرى: ئوغلى شىمايا. شىمايانىڭ خاتتۇش، يىگال، بارىياخ، نىئاريا ۋە شافات ئىبارەت ئالتە ئوغلى بار ئىدى. نىئاريانىڭ ئەليوئېناي، خىزكىيا ۋە ئازرىقام ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بار ئىدى. ئەليوئېناينىڭ ھوداۋيا، ئەلياشىب، پىلايا، ئاققۇب، يوخانان، دىلايا ۋە ئانانى ئىسىملىك يەتتە ئوغلى بار ئىدى. يەھۇدانىڭ پەرەس، خەزرون، كارمى، خۇر ۋە شوبال ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. شوبالنىڭ ئوغلى رىئايادىن ياخات تۆرەلدى. ياخاتتىن ئاخۇماي ۋە لاھاد تۆرەلدى. بۇلار زورئاھلارنىڭ ئەجدادلىرىدۇر. تىقوۋا شەھىرىگە ئاساس سالغان ئاشخۇرنىڭ خەلئاھ ۋە نائارا ئىسىملىك ئىككى ئايالى بار ئىدى. ئاشخۇر ئايالى نائارادىن ئاخۇززام، خېفەر، تېمىنى ۋە ھائاخاشتارى ئىسىملىك ئوغۇللارنى كۆردى. ئايالى خەلئاھتىن زەرەت، زوخار، ئەتنان ۋە قوز تۇغۇلدى. قوزنىڭ ئانۇب ۋە ھاززوبېبا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. خاققوز ھارۇمنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئاخارخېل جەمەتىنىڭ ئەجدادى ئىدى. يابېز [مەنىسى «ئازاب»] ئىسىملىك بىر ئادەم قېرىنداشلىرىغا قارىغاندا كۆپ ئابرۇيلۇق ئىدى. ئانىسى ئۇنى: «بەك جاپا چېكىپ تۇغقانمەن» دەپ ئىسمىنى يابېز قويغانىدى. يابېز ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا: «ئى خۇدا، مېنى بەختلىك قىلىپ، زېمىنىمنى كېڭەيتىپ بەرگەيسەن، ماڭا يار-يۆلەكتە بولۇپ، مېنى مۈشكۈلات ۋە ئازابلاردىن يىراق قىلغايسەن» دەپ دۇئا قىلغانىدى. خۇدا ئۇنىڭ ئىلتىجالىرىنى بەجا كەلتۈردى. شۇخاھنىڭ ئاكىسى كىلۇبدىن مىخىر تۆرەلدى. مىخىردىن ئەشتون تۆرەلدى. ئەشتوندىن بەيت-رافا، پاسېياخ ۋە تىخىننا تۆرەلدى. تىخىننا ئىرناخاش شەھىرىنى بىنا قىلدى. ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى رېكاھتا ياشايتتى. قېنازنىڭ ئوتنىئېل ۋە سىرايا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. ئوتنىئېلنىڭ بولسا، خاتات ۋە مىئونوتاي ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. مىئونوتايدىن ئوفراھ تۆرەلدى. سىرايادىن يوئاب تۆرەلدى. يوئاب ھۈنەرۋەنلەر جىلغىسىغا ئاساس سالدى. ئۇ يەردە ياشىغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ھۈنەرۋەن ئىدى. يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب ئۈچ ئوغۇل پەرزەنت كۆردى. ئۇلار ئىرۇ، ئەلاھ ۋە نائام ئىدى. ئېلاھتىن قېناز تۆرەلدى. يىھالەلەلنىڭ زىف، زىفاھ، تىرىيا ۋە ئاسارئېل ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. ھودىيا ناخامنىڭ سىڭلىسىغا ئۆيلەندى، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى گارمىلىق قىيلاھنىڭ ۋە مائاكالىق ئەشتىموۋانىڭ ئاتىسى ئىدى. شىموننىڭ ئامنون، رىنناھ، بەنخانان ۋە تىلون ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. يىشئىنىڭ زوخېت ۋە بەنزوخېت ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. يەھۇدانىڭ يەنە شېلاھ ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىدى. شېلاھنىڭ ئەۋلادلىرى: لېكاھ شەھىرىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى ئېر، مارېشا شەھىرىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى لادا، بەيت-ئاشبېيا شەھىرىدە ياشايدىغان كەندىر توقۇغۇچىلارنىڭ جەمەتلىرى، يوقىم، يوئاش، ساراف ۋە كوزېبا شەھىرىنىڭ ئاھالىسى. يوئاش ۋە ساراف موئاب شەھىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ئاندىن لەھەم شەھىرىگە قايتىپ بارغان. بۇ مەلۇماتلار قەدىمكى يازمىلاردىن ئېلىندى. بۇ جەمەتتىكىلەر نىتائىم ۋە گىدېرا شەھەرلىرىدە ياشايدىغان ساپال ئۇستىلىرى بولۇپ، ئۇلار پادىشاھقا خىزمەت قىلاتتى. شىموننىڭ نىمۇئېل، يامىن، يارىب، زەراخ ۋە شائۇل ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. شائۇلنىڭ ئوغلى شاللۇم، شاللۇمنىڭ ئوغلى مىبسام، مىبسامنىڭ ئوغلى مىشما ئىدى. مىشمانىڭ ئوغلى خاممۇئېل، خاممۇئېلنىڭ ئوغلى زاككۇر، زاككۇرنىڭ ئوغلى شىمئى ئىدى. شىمئى ئون ئالتە ئوغۇل ۋە ئالتە قىز پەرزەنت كۆردى. لېكىن ئۇنىڭ ئاكا-ئىنىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى كەم بولغانلىقى ئۈچۈن، شىمون قەبىلىسى يەھۇدا قەبىلىسىدەك كۆپەيمىدى. شىموننىڭ ئەۋلادلىرى بەئەرشەبا، مولادا، خازار-شۇئال، بىلھاھ، ئەزەم، تولاد، بەيتۇئېل، خورماھ، زىقلاق، بەيت-ماركابوت، خازار-سۇسىم، بەيت-بىرى ۋە شائارايىم شەھەرلىرىدە ياشايتتى. داۋۇت پادىشاھ بولغانغا قەدەر، مانا شۇ شەھەرلەر شىموننىڭ ئەۋلادلىرىغا قاراشلىق ئىدى. ئۇلار يەنە ئېتام، ئايىن، رىممون، توكەن ۋە ئاشان دېگەن بەش شەھەردىمۇ ياشىدى. غەرب جەنۇبتىكى بائالات شەھىرىگىچە سوزۇلغان بۇ شەھەرلەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ھەممە يېزىلار شىموننىڭ ئەۋلادلىرىغا قاراشلىق ئىدى. ئۇلار شۇ جايدا ياشاپ، ئۆز نەسەبنامىسىنى يېزىپ قويغانىدى. تۆۋەندىكىلەر شىمون ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئىدى: مىشوباب، ياملېك، ئامازيانىڭ ئوغلى يوشاھ، يوئېل ۋە يېھۇ (يېھۇ يوشىبيانىڭ ئوغلى، يوشىبيا سىرايانىڭ ئوغلى، سىرايا ئاسىئېلنىڭ ئوغلىدۇر). يەنە ئەليوئېناي، يائاقوبا، يىشوخايا، ئاسايا، ئادىئېل، يىسىمىئېل، بىنايا ۋە زىزا (زىزا شىفىنىڭ ئوغلى، شىفى ئاللوننىڭ ئوغلى، ئاللون يىدايانىڭ ئوغلى، يىدايا شىمرىنىڭ ئوغلى، شىمرى شىمايانىڭ ئوغلى ئىدى). بۇلار شىمون ئەۋلادلىرىنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ جەمەتلىرى كۆپىيىپ كەتكەچكە، مال-چارۋىلىرىغا ئوتلاق ئىزدەپ، جىلغىنىڭ شەرقىي چېتىگە جايلاشقان گىدور شەھىرىگىچە باردى. ئۇلار بۇ يەردىن ئوت-چۆپلىرى مول، كەڭرى، تىنچ ۋە خىلۋەت بىر جاينى تاپتى. بۇ جاي بۇرۇن ھام ئەۋلادلىرىغا قاراشلىق جاي ئىدى. يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىيا ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە يۇقىرىدا ئىسىملىرى خاتىرىلەنگەن شىموننىڭ ئەۋلادلىرى ھام ئەۋلادلىرىنىڭ تۇرالغۇلىرىغا ۋە ئۇلار بىلەن بىللە ياشاۋاتقان مىئۇنىم خەلقىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوقاتتى. شۇڭا ئۇلاردىن ھازىرغىچە بىرمۇ ئادەم يوق. ئۇ يەردە قوي-كالىلىرىغا يايلاقلار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئۇ يەرلەرنى ئىگىلىۋالغانىدى. شىمون ئەۋلادلىرىدىن يەنە بەش يۈز كىشى يىشئىنىڭ پىلاتيا، نىئاريا، رىفايا ۋە ئۇززىئېل ئىسىملىك ئوغۇللىرىنىڭ باشچىلىقىدا سەئىر تاغلىرىغا بېرىپ، ئامالەك ئەۋلادلىرىنىڭ قالغانلىرىنى قىرىپ تاشلىدى. شىموننىڭ ئەۋلادلىرى ھازىرغىچە شۇ جايلاردا ياشاپ كەلمەكتە. رۇبېن ئىسرائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى ئىدى. لېكىن ئۇ ئاتىسىنىڭ توقىلىنىڭ بىرىگە چېقىلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن، تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، بۇ ھوقۇق ئۇنىڭ ئىنىسى يۈسۈپنىڭ ئوغۇللىرىغا بېرىلگەنىدى. شۇ سەۋەبتىن رۇبېن نەسەبنامىدا تۇنجى ئوغۇل، دەپ خاتىرىلەنمىگەن. يەھۇدا ئاكا-ئىنىلىرى ئارىسىدا ئەڭ كۈچلۈك بولۇپ، ئۇنىڭ قەبىلىسىدىن بىر ھۆكۈمران چىققان بولسىمۇ، لېكىن تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقى يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىغا تەۋە بولدى. ئىسرائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبېننىڭ خانوك، پاللۇ، خەزرون ۋە كارمى ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. يوئېلنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: يوئېلنىڭ ئوغلى شىمايا، شىمايانىڭ ئوغلى گوگ، گوگنىڭ ئوغلى شىمئى، شىمئىنىڭ ئوغلى مىكاھ، مىكاھنىڭ ئوغلى رىئايا، رىئايانىڭ ئوغلى بائال ۋە بائالنىڭ ئوغلى بەئەراھ. ئاسسۇرىيە پادىشاھى تىلگات-پىلئەسەر بەئەراھنى ئەسىر ئېلىپ كەتكەنىدى. بەئەراھ رۇبېن قەبىلىسىنىڭ يولباشچىسى ئىدى. رۇبېن قەبىلىسىنىڭ تۆۋەندىكى جەمەت باشلىقلىرىمۇ نەسەبنامىدا خاتىرىلەنگەن: يولباشچى يىئىئېل، زىكىرىيا ۋە ئازازنىڭ ئوغلى بەلا. ئازاز شەمانىڭ ئوغلى، شەما يوئېلنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇلار ئاروئېر شەھىرى ھەمدە شىمالدىكى نىبو ۋە بائال-مىئون شەھەرلىرىگىچە بولغان يەرلەردە ياشىدى. ئۇلارنىڭ گىلئاد زېمىنىدىكى مال-چارۋىلىرى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار يەنە شەرققە كېڭىيىپ فىرات دەرياسىنىڭ غەربىگىچە سوزۇلغان كەڭ دالانى ئىگىلىۋالدى. سائۇل پادىشاھنىڭ دەۋرىدە رۇبېننىڭ ئەۋلادلىرى ھاگرىلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىپ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى ھەمدە گىلئادنىڭ شەرقىدىكى ھەممە زېمىنلىرىنى ئىگىلىۋالدى. گاد قەبىلىسى رۇبېن قەبىلىسىنىڭ شىمالىغا يانداش بولغان باشان زېمىنىدا ياشىغانىدى. ئۇلارنىڭ زېمىنى شەرقتە سالكاھ شەھىرىگىچە سوزۇلغانىدى. يوئېل باشاننىڭ يولباشچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئوڭ قول ياردەمچىسى شافام ئىدى. ياناي ۋە شافاتلار شافامنىڭ ياردەمچىلىرى ئىدى. گاد قەبىلىسىدىكى قېرىنداشلار تۆۋەندىكى يەتتە جەمەتكە تەۋە ئىدى: مىكائىل، مىشۇللام، شىبا، يوراي، ياكان، زىيا ۋە ئېبەر. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئابىخايىلنىڭ ئوغۇللىرىدۇر. ئابىخايىل خۇرىنىڭ ئوغلى، خۇرى ياروۋاخنىڭ ئوغلى، ياروۋاخ گىلئادنىڭ ئوغلى، گىلئاد مىكائىلنىڭ ئوغلى، مىكائىل يىشىشاينىڭ ئوغلى، يىشىشاي ياخدونىڭ ئوغلى، ياخدو بۇزنىڭ ئوغلى ئىدى. گۇنىنىڭ ئوغلى ئابدىيېل، ئابدىيېلنىڭ ئوغلى ئاخى بولۇپ، ئۇ جەمەت باشلىقى ئىدى. گاد قەبىلىسى گىلئاد، باشان ۋە ئۇ يەردىكى يېزىلاردا ھەمدە شاروندىكى پۈتۈن تۈزلەڭلىكلەردە ياشايتتى. بۇ خاتىرىلەرنىڭ ھەممىسى يەھۇدىيە پادىشاھى يوتەم ۋە ئىسرائىلىيە پادىشاھى ياروبئام II ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە نەسەبنامىغا كىرگۈزۈلگەنىدى. رۇبېن قەبىلىسى، گاد قەبىلىسى ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىنىڭ قالقان، قىلىچ ۋە ئوقيا بىلەن قوراللانغان، جەڭگە ياراملىق 44,760 نەپەر لەشكىرى بار ئىدى. ئۇلار ھاگرى، يىتۇر، نافىش ۋە نودابلارغا ھۇجۇم قىلدى. ئۇلار جەڭدە خۇدادىن مەدەت تىلىدى. خۇدا ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى، ئۇلار ھاگرىلار بىلەن ئىتتىپاقداشلىرىنى مەغلۇپ قىلدى، چۈنكى ئۇلار خۇداغا ئىشەنگەنىدى. ئۇلار دۈشمەننىڭ چارۋىسىنى، يەنى 50 مىڭ تۆگە، 250 مىڭ قوي، ئىككى مىڭ ئېشەكىنى ئولجا ئالدى ۋە يۈز مىڭ ئادەمنى ئەسىر قىلدى. ئۇلار نۇرغۇن دۈشمەننى ئۆلتۈردى، چۈنكى بۇ جەڭ خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن بولغانىدى. رۇبېن، گاد قەبىلىسى ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمى تاكى سۈرگۈن قىلىنغانغا قەدەر شۇ يەرلەردە ياشىدى. ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمى بائال-خەرمون، سىنىر يەنى خەرمون تېغىغىچە بولغان باشان زېمىنلىرىدا ياشايتتى. ئۇلارنىڭ نوپۇسى ناھايىتى كۆپ ئىدى. ئۇلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرىنىڭ ئىسىملىرى تۆۋەندىكىچە: ئېفەر، يىشئى، ئەلىئېل، ئازرىئېل، يەرەمىيا، ھوداۋيا ۋە ياخدىئېل. ئۇلار باھادىر جەڭچىلەر بولۇپ، ئۆز جەمەتىنىڭ مەشھۇر يولباشچىلىرى ئىدى. رۇبېن، گاد قەبىلىسى ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمى ئاتا-بوۋىلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ۋاپاسىزلىق قىلىپ، خۇدا ۋەيران قىلغان ئاشۇ يۇرتتىكى خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇندى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئاسسۇرىيە پادىشاھى پۈلنى، يەنى تىلگات-پىلئەسەرنى رۇبېن ۋە گاد قەبىلىلىرىغا ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. پادىشاھ پۈل ئۇلارنى خالاخ، خابور ۋە ھارا دېگەن يەرلەرگە ھەمدە گوزان دەرياسىنىڭ بويلىرىغا سۈرگۈن قىلىۋەتتى. ئۇلار تاكى ھازىرغىچە شۇ يەرلەردە ياشاپ كەلمەكتە. لاۋىينىڭ ئوغۇللىرى گېرشون، قوھات ۋە مىرارى ئىدى. قوھاتنىڭ ئوغۇللىرى ئامرام، يىزھار، ھىبرون ۋە ئۇززىئېل ئىدى. ئامرامنىڭ بالىلىرى ھارۇن، مۇسا ۋە مەريەم ئىدى. ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى ناداب، ئابىھۇ، ئەلئازار ۋە ئىتامار ئىدى. ئەلئازاردىن پىنىخاس تۆرەلدى، پىنىخاستىن ئابىشۇۋا تۆرەلدى، ئابىشۇۋادىن بۇققى تۆرەلدى، بۇققىدىن ئۇززى تۆرەلدى، ئۇززىدىن زىراخيا تۆرەلدى، زىراخيادىن مىرايوت تۆرەلدى، مىرايوتتىن ئاماريا تۆرەلدى، ئاماريادىن ئاخىتۇب تۆرەلدى، ئاخىتۇبتىن زادوق تۆرەلدى، زادوقتىن ئاخىمائاس تۆرەلدى، ئاخىمائاستىن ئازاريا تۆرەلدى، ئازاريادىن يوخانان تۆرەلدى، يوخاناندىن ئازاريا تۆرەلدى. (ئازاريا سۇلايمان پادىشاھ يېرۇسالېمدا قۇرغان ئىبادەتخانىدا روھانىي بولۇپ خىزمەت قىلغانىدى.) ئازاريادىن ئاماريا تۆرەلدى، ئاماريادىن ئاخىتۇب تۆرەلدى، ئاخىتۇبتىن زادوق تۆرەلدى، زادوقتىن شاللۇم تۆرەلدى، شاللۇمدىن خىلقىيا تۆرەلدى، خىلقىيادىن ئازاريا تۆرەلدى، ئازاريادىن سىرايا تۆرەلدى، سىرايادىن يىھوزاداق تۆرەلدى. پەرۋەردىگار پادىشاھ نىبۇكادنەزەر ئارقىلىق يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېم خەلقىنى سۈرگۈن قىلغاندا، يىھوزاداقمۇ سۈرگۈن قىلىنغانىدى. لاۋىينىڭ ئوغۇللىرى گېرشون، قوھات ۋە مىرارى ئىدى. گېرشوننىڭ ئوغۇللىرى لىبنى ۋە شىمئى ئىدى. قوھاتنىڭ ئوغۇللىرى ئامرام، يىزھار، ھىبرون ۋە ئۇززىئېل ئىدى. مىرارىنىڭ ئوغۇللىرى ماخلى ۋە مۇشى ئىدى. ئاتا جەمەتىگە قاراپ خاتىرىلەنگەن لاۋىينىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت ئىدى. گېرشوننىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: گېرشوننىڭ ئوغلى لىبنى، لىبنىنىڭ ئوغلى ياخات، ياخاتنىڭ ئوغلى زىمماھ، زىمماھنىڭ ئوغلى يوئاخ، يوئاخنىڭ ئوغلى ئىددو، ئىددونىڭ ئوغلى زەراخ، زەراخنىڭ ئوغلى يىئاتىراي. قوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: قوھاتنىڭ ئوغلى ئاممىناداب، ئاممىنادابنىڭ ئوغلى كوراھ، كوراھنىڭ ئوغلى ئاسسىر، ئاسسىرنىڭ ئوغلى ئەلقانا، ئەلقانانىڭ ئوغلى ئەبياساف، ئەبياسافنىڭ ئوغلى ئاسسىر، ئاسسىرنىڭ ئوغلى تاخات، تاخاتنىڭ ئوغلى ئۇرىئېل، ئۇرىئېلنىڭ ئوغلى ئۇززىيا، ئۇززىيانىڭ ئوغلى شائۇل. ئەلقانانىڭ ئاماساي ۋە ئاخىموت ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. ئاخىموتنىڭ ئوغلى ئەلقانا، ئەلقانانىڭ ئوغلى زوفاي، زوفاينىڭ ئوغلى ناخات، ناخاتنىڭ ئوغلى ئەلىئاب، ئەلىئابنىڭ ئوغلى يىروخام، يىروخامنىڭ ئوغلى ئەلقانا، ئەلقانانىڭ ئوغلى سامۇئىل ئىدى. سامۇئىلنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىدى، تۇنجىسىنىڭ ئىسمى يوئېل، ئىككىنچىسىنىڭ ئىسمى ئابىيا ئىدى. مىرارىنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: مىرارىنىڭ ئوغلى ماخلى، ماخلىنىڭ ئوغلى لىبنى، لىبنىنىڭ ئوغلى شىمئى، شىمئىنىڭ ئوغلى ئۇززاھ، ئۇززاھنىڭ ئوغلى شىمئا، شىمئانىڭ ئوغلى خاگگىيا، خاگگىيانىڭ ئوغلى ئاسايا. ئۇ يەردە ئۆزىنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن بىللە خىزمەت قىلغان نەغمىچىلەر تۆۋەندىكىچە: قوھات جەمەتىدىن قوشاقچى ھېمان. ھېماننىڭ نەسەبنامىسى تۆۋەندىكىچە خاتىرىلەنگەنىدى. ھېمان يوئېلنىڭ ئوغلى، يوئېل سامۇئىلنىڭ ئوغلى، سامۇئىل ئەلقانانىڭ ئوغلى، ئەلقانا يىروخامنىڭ ئوغلى، يىروخام ئەلىئېلنىڭ ئوغلى، ئەلىئېل توۋاخنىڭ ئوغلى، توۋاخ زۇفنىڭ ئوغلى، زۇف ئەلقانانىڭ ئوغلى، ئەلقانا ماخاتنىڭ ئوغلى، ماخات ئاماساينىڭ ئوغلى، ئاماساي ئەلقانانىڭ ئوغلى، ئەلقانا يوئېلنىڭ ئوغلى، يوئېل ئازاريانىڭ ئوغلى، ئازاريا زىفانىيانىڭ ئوغلى، زىفانىيا تاخاتنىڭ ئوغلى، تاخات ئاسسىرنىڭ ئوغلى، ئاسسىر ئەبياسافنىڭ ئوغلى، ئەبياساف كوراھنىڭ ئوغلى، كوراھ يىزھارنىڭ ئوغلى، يىزھار قوھاتنىڭ ئوغلى، قوھات لاۋىينىڭ ئوغلى، لاۋىي ئىسرائىلنىڭ [ياقۇپنىڭ] ئوغلى ئىدى. ھېماننىڭ ئوڭ قول ياردەمچىسى تۇغقىنى بولغان ئاساف ئىدى. ئاسافنىڭ نەسەبنامىسى تۆۋەندىكىچە خاتىرىلەنگەنىدى. ئاساف بەرەكيانىڭ ئوغلى، بەرەكيا شىمئانىڭ ئوغلى، شىمئا مىكائىلنىڭ ئوغلى، مىكائىل بائاسېيانىڭ ئوغلى، بائاسېيا مالكىيانىڭ ئوغلى، مالكىيا ئەتنىنىڭ ئوغلى، ئەتنى زەراخنىڭ ئوغلى، زەراخ ئادايانىڭ ئوغلى، ئادايا ئېتاننىڭ ئوغلى، ئېتان زىمماھنىڭ ئوغلى، زىمماھ شىمئىنىڭ ئوغلى، شىمئى ياخاتنىڭ ئوغلى، ياخات گېرشوننىڭ ئوغلى، گېرشون لاۋىينىڭ ئوغلى ئىدى. ھېماننىڭ سول قول ياردەمچىسى ئېتان ئىدى. ئۇ مىرارى جەمەتىدىن ئىدى. ئېتاننىڭ نەسەبنامىسى تۆۋەندىكىچە خاتىرىلەنگەنىدى. ئېتان قىشىنىڭ ئوغلى، قىشى ئابدىنىڭ ئوغلى، ئابدى ماللۇكنىڭ ئوغلى، ماللۇك خاشابيانىڭ ئوغلى، خاشابيا ئامازيانىڭ ئوغلى، ئامازيا خىلقىيانىڭ ئوغلى، خىلقىيا ئامزىنىڭ ئوغلى، ئامزى بانىنىڭ ئوغلى، بانى سەمەرنىڭ ئوغلى، سەمەر ماخلىنىڭ ئوغلى، ماخلى مۇشىنىڭ ئوغلى، مۇشى مىرارىنىڭ ئوغلى، مىرارى لاۋىينىڭ ئوغلى ئىدى. لاۋىي قەبىلىسىنىڭ قالغان ئەزالىرى خۇدانىڭ ئۆيى بولغان ئىبادەت چېدىرىنىڭ باشقا خىزمەتلىرىگە تەيىنلەنگەنىدى. پەقەت ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىلا روھانىي بولۇپ، ئۇلار خۇداغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسىدا قۇربانلىق قىلاتتى ۋە ئىسرىقداندا ئىسرىق سالاتتى. ئۇلار خۇدانىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئاساسەن، ئىسرائىل خەلقىنىڭ گۇناھىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن ئەڭ مۇقەددەس بولغان بۇ جايدىكى ھەممە مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلاتتى. ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلئازار، ئەلئازارنىڭ ئوغلى پىنىخاس، پىنىخاسنىڭ ئوغلى ئابىشۇۋا، ئابىشۇۋانىڭ ئوغلى بۇققى، بۇققىنىڭ ئوغلى ئۇززى، ئۇززىنىڭ ئوغلى زىراخيا، زىراخيانىڭ ئوغلى مىرايوت، مىرايوتنىڭ ئوغلى ئاماريا، ئاماريانىڭ ئوغلى ئاخىتۇب، ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى زادوق، زادوقنىڭ ئوغلى ئاخىمائاس ئىدى. قوھات جەمەتىدىكى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا چەك تارتىلىپ، چىققان چەك بويىچە بىرىنچى بولۇپ، تۆۋەندىكى شەھەرلەر بۆلۈپ بېرىلگەنىدى. ئۇلار يەھۇدا زېمىنىدىكى ھىبرون شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يايلاقلارغا ئىگە بولدى. لېكىن بۇ شەھەرنىڭ ئەتراپىدىكى ئېتىزلىقلار ۋە يېزىلار يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىبقا بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يايلاقلار بېرىلدى: پاناھلىنىدىغان شەھەر ھىبرون، لىبناھ، ياتتىر، ئەشتىموۋا، خىلېن، دىبىر ئاشان، يۇتتاھ ۋە بەيت-شەمەش. يەنە بىنيامىن زېمىنىدىن تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يايلاقلارمۇ بېرىلدى: گىبئون، گەبا، ئالەمەت ۋە ئاناتوت. قوھات جەمەتىدىكى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا جەمىي 13 شەھەر بېرىلدى. قوھات جەمەتىنىڭ قالغان ئەۋلادلىرىغا تارتىلغان چەك بويىچە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىغا قاراشلىق زېمىندىن ئون شەھەر بۆلۈپ بېرىلدى. گېرشون جەمەتىگە ئائىلىلىرى بويىچە ئىسساكار، ئاشېر، نافتالى ۋە باشاندىكى ماناسسە قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنلىرىدىن 13 شەھەر بۆلۈپ بېرىلدى. مىرارى جەمەتىگە ئائىلىلىرى بويىچە رۇبېن، گاد ۋە زەبۇلۇن قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنلىرىدىن 12 شەھەر چەك ئارقىلىق تەقسىم قىلىپ بېرىلدى. شۇنداق قىلىپ، ئىسرائىل خەلقى لاۋىيلارنىڭ ياشىشى ئۈچۈن مانا مۇشۇ شەھەرلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يايلاقلارنى ئاجرىتىپ بەردى. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان شەھەرلەر يەھۇدا، شىمون ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنلىرىدىن چەك تارتىش ئارقىلىق بۆلۈپ بېرىلگەنىدى. قوھات ئەۋلادلىرىنىڭ بەزى جەمەتلىرىگە ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يايلاقلار بېرىلدى. ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى پاناھلىنىدىغان شەھەر شەكەم، گەزەر، يوقمىئام، بەيت-خورون، ئاييالون ۋە گاترىممون. قوھات ئەۋلادلىرىنىڭ قالغان جەمەتلىرىگە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىغا قاراشلىق بولغان ئانېر ۋە بىلئام دېگەن ئىككى شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يايلاقلار قوشۇپ بېرىلدى. گېرشون جەمەتىگە تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يايلاقلار بېرىلدى. ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىنىڭ زېمىنىدىن ئاشتاروت ۋە باشان زېمىنىدىكى گولان، ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن قەدەش، دابىرات، راموت ۋە ئانېم. ئاشېر قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ماشال، ئابدون، خۇقوق ۋە رىخوب. نافتالى قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن خاممون، قىرياتائىم ۋە جەلىلىيەدىكى قەدەش. مىرارى جەمەتىنىڭ قالغان ئائىلىلىرىگە تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يايلاقلار بۆلۈپ بېرىلدى. زەبۇلۇن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن رىممونو ۋە تابور، ئىسساكارنىڭ تولاھ، پۇئاھ، ياشۇب ۋە شىمرون ئىسىملىك تۆت ئوغلى بار ئىدى. تولاھنىڭ ئۇززى، رىفايا، يىرىئېل، ياخماي، يىبسام ۋە سامۇئىل ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. ئۇلار ئۆز جەمەتىنىڭ باشلىقلىرى ئىدى. داۋۇت پادىشاھنىڭ دەۋرىدە تولاھنىڭ نەسەبنامىسىدا 22,600 لەشكىرى بار، دەپ خاتىرىلەنگەنىدى. ئۇززىنىڭ يىزراخيا ئىسىملىك بىر ئوغلى بولۇپ، يىزراخيانىڭ مىكائىل، ئوبادىيا، يوئېل ۋە يىششىيا دەپ ئوغۇللىرى بار ئىدى. يىزراخيا ۋە ئۇنىڭ تۆت ئوغلى جەمەت باشلىقلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ خوتۇن-بالىلىرى ناھايىتى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، نەسەبنامىسىدا جەڭ قىلىشقا تەييار 36,000 لەشكىرى بار، دەپ خاتىرىلەنگەنىدى. ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ جەمەتلەر نەسەبنامىسىدا جەمئىي 87,000 لەشكىرى بار، دەپ خاتىرىلەنگەنىدى. بىنيامىننىڭ بەلا، بەكەر ۋە يىدىئائېل ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بار ئىدى. بەلانىڭ ئەزبون، ئۇززى، ئۇززىئېل، يىرىموت ۋە ئىرى ئىسىملىك بەش ئوغلى بار ئىدى. بۇ بەش ئوغۇل ئۆز جەمەتىنىڭ باشلىقلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ نەسەبنامىسىدا 22,034 لەشكىرى بار، دەپ خاتىرىلەنگەنىدى. بەكەرنىڭ زىمىرا، يوئاش، ئەلىئەزەر، ئەليوئېناي، ئومرى، يىرېموت، ئابىيا، ئاناتوت ۋە ئالەمەت ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ نەسەبنامىسىدا جەمەت باشلىقلىرىدىن سىرت 20,200 لەشكىرى بار، دەپ خاتىرىلەنگەنىدى. يىدىئائېلنىڭ بىلھان ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىدى. بىلھاننىڭ يىئۇش، بىنيامىن، ئېھۇد، كىنائانا، زېتان، تارشىش ۋە ئاخىشاخار ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. يىدىئائېلنىڭ ئوغلى ۋە نەۋرىلىرىنىڭ ھەممىسى جەمەت باشلىقلىرى بولۇپ، نەسەبنامىسىدا جەڭ قىلىشقا تەييار 17,200 لەشكىرى بار، دەپ خاتىرىلەنگەنىدى. شۇپپىم ۋە خۇپپىم خەلقلىرى ئىرنىڭ ئەۋلادى، خۇشىم خەلقى بولسا ئاخېرنىڭ ئەۋلادى ئىدى. نافتالىنىڭ ياخزىئېل، گۇنى، يېزەر ۋە شاللۇم ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. ئۇلار ياقۇپنىڭ توقىلى بىلھاھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىدى. ماناسسە ئارراملىق توقىلىدىن ئاسرىئېل ۋە ماكىر ئىسىملىك ئوغۇللارنى كۆردى. ماكىر گىلئادنىڭ ئاتىسى ئىدى. ماكىر خۇپپىم ۋە شۇپپىمغا خوتۇن ئېلىپ بەردى. ماكىرنىڭ مائاكا ئىسىملىك بىر سىڭلىسى بار ئىدى. زىلوفخاد ماكىرنىڭ يەنە بىر ئوغلى بولۇپ، ئۇ پەقەت قىز پەرزەنتلا كۆرگەنىدى. ماكىرنىڭ خوتۇنى مائاكا ئىككى ئوغۇل تۇغدى. ئۇلارنىڭ ئىسمىنى پەرەش ۋە شەرەش قويدى. پەرەش ئۇلام ۋە رەقەم ئىسىملىك ئوغۇللارنى كۆردى. ئۇلامنىڭ بىدان ئىسىملىك ئوغلى بار ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى گىلئادنىڭ ئەۋلادىدۇر. گىلئاد ماكىرنىڭ ئوغلى، ماكىر ماناسسەنىڭ ئوغلىدۇر. گىلئادنىڭ سىڭلىسى ھاممولەكەتتىن ئىشھود، ئابىئەزەر ۋە ماخلاھ تۇغۇلدى. شىمىدانىڭ ئاخيان، شەكەم، لىقخى ۋە ئانىئام ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. ئەفرايىمنىڭ شۇتەلاخ ئىسىملىك ئوغلى بار ئىدى. (شۇتەلاخنىڭ ئوغلى بەرەد، بەرەدنىڭ ئوغلى تاخات، تاخاتنىڭ ئوغلى ئەلئادا، ئەلئادانىڭ ئوغلى تاخات، تاخاتنىڭ ئوغلى زاباد، زابادنىڭ ئوغلى شۇتەلاخ ئىدى.) ئەفرايىمنىڭ شۇتەلاختىن سىرت يەنە ئەزەر ۋە ئەلئاد ئىسىملىك ئوغۇللىرىمۇ بار ئىدى. ئۇلار گات شەھىرىنىڭ يەرلىك ئاھالىسىنىڭ چارۋىلىرىنى ئوغرىلىماقچى بولغاندا، گاتلىقلار ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى. ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئەفرايىم خېلى كۈنلەرگىچە ھازا تۇتتى. تۇغقانلىرى ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگىلى كەلدى. ئەفرايىم خوتۇنى بىلەن يەنە بىللە بولدى. خوتۇنى ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئەفرايىم ئائىلىسىدە يۈز بەرگەن بەختسىزلىكنى ئويلاپ، ئوغلىنىڭ ئىسمىنى بىرىئا [مەنىسى «بەختسىزلىك»] قويدى. ئەفرايىمنىڭ شەئەرا ئىسىملىك بىر قىزى بار ئىدى. شەئەرا ئۈستۈن بەيت-خورون ۋە ئاستىن بەيت-خورون شەھەرلىرىنى ھەمدە ئۇزېن-شەئەرا شەھىرىنى قۇرغانىدى. ئەفرايىمنىڭ يەنە رەفاخ ئىسىملىك بىر ئوغلىمۇ بار ئىدى. رەفاخنىڭ ئوغلى رەشەف، رەشەفنىڭ ئوغلى تەلاخ، تەلاخنىڭ ئوغلى تاخان، تاخاننىڭ ئوغلى لادان، لاداننىڭ ئوغلى ئاممىھۇد، ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما، ئەلىشامانىڭ ئوغلى نۇن، نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ئىدى. ئەفرايىمنىڭ ئەۋلادلىرى جەنۇبتا بەيتەل شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار، شەرقتە نائاران شەھىرى، غەربتە گەزەر شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار، شەكەم ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار ۋە ئەڭ يىراق بولغاندا ئايياھ شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپتىكى يېزىلارغىچە ئورۇنلاشقانىدى. ماناسسە زېمىنىنىڭ چېگرىسىدا بەيتشان، تاناك، مىگىددو، دور شەھەرلىرى ۋە ئۇ شەھەرلەرنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار بار ئىدى. بۇ جايلاردا ئىسرائىلنىڭ ئوغلى يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى ياشىغانىدى. ئاشېرنىڭ ئوغۇللىرى تۆۋەندىكىچە: يىمناھ، يىشۋاھ، يىشۋى ۋە بىرىئا. بۇ ئوغۇللارنىڭ سەراخ ئىسىملىك بىر سىڭلىسىمۇ بار ئىدى. بىرىئانىڭ خەبەر ۋە مالكىئېل ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولۇپ، مالكىئېل بىرزايىت شەھىرىنى قۇرغانىدى. خەبەرنىڭ يافلېت، شومېر ۋە خوتام ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. بۇ ئوغۇللارنىڭ شۇئا ئىسىملىك بىر قىز قېرىندىشى بار ئىدى. يافلېتنىڭ پاساك، بىمھال ۋە ئاشۋات ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. شومېرنىڭ ئاخى، روھاگا، يىخۇببا ۋە ئاررام ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. شومېرنىڭ ئىنىسى ھېلەمنىڭ زوفاخ، يىمنا، شېلەش ۋە ئامال ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. زوفاخنىڭ سۇۋاخ، خارنەفەر، شۇئال، بەرى، يىمراھ، بەزەر، ھود، شامما، شىلشاھ، يىتران ۋە بىئېرا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. يەتەرنىڭ يىفۇننە، پىسپاھ ۋە ئارا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. ئۇللانىڭ ئاراخ، خاننىئېل ۋە رىزيا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. ئاشېر ئەۋلادلىرى مانا مۇشۇلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار جەمەت باشلىقلىرى، باتۇر، پىشقان جەڭچىلەر، كۆزگە كۆرۈنگەن يولباشچىلار ئىدى. ئاشېر قەبىلىسىنىڭ نەسەبنامىسىدا جەڭ قىلىشقا تەييار 26,000 جەڭچىسى بار ئىدى، دەپ خاتىرىلەنگەنىدى. بىنيامىننىڭ تۇنجى ئوغلى بەلا، ئىككىنچىسى ئاشبېل، ئۈچىنچىسى ئاخراخ، تۆتىنچىسى نوخاھ، بەشىنچىسى رافا ئىدى. بەلانىڭ ئوغۇللىرى: ئاددار، گېرا، ئابىخۇد، ئابىشۇۋا، نائامان، ئاخوۋاخ، گېرا، شىفۇفان ۋە خۇرام. شاخارايىم خوتۇنلىرى خۇشىم ۋە بائارانى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، موئاب زېمىنىدا ئوغۇل پەرزەنتلەر كۆرگەنىدى. ئۇنىڭ خودەش ئىسىملىك خوتۇنى ئۇنىڭغا يوباب، زىبيا، مېشا، مالكام، يىئۇز، ساكىياھ ۋە مىرماھ دېگەن ئوغۇللارنى تۇغۇپ بەردى. شاخارايىمنىڭ بۇ ئوغۇللىرى جەمەت باشلىقلىرى ئىدى. شاخارايىمنىڭ خۇشىمدىن تۇغۇلغان ئابىتۇب ۋە ئەلپائال ئىسىملىك ئوغۇللىرىمۇ بار ئىدى. بىرىئانىڭ ئوغۇللىرى: ئاخيو، شاشاق، يىرېموت، زىباديا، ئاراد، ئەدەر، مىكائىل، يىشپاھ ۋە يوخا. ئەلپائالنىڭ ئوغۇللىرى: زىباديا، مىشۇللام، خىزقى، خەبەر، يىشمىراي، يىزلىئا ۋە يوباب. شىمئىنىڭ ئوغۇللىرى: ياقىم، زىكرى، زابدى، ئەلىئېناي، زىللىتاي، ئەلىئېل، ئادايا، بىرايا ۋە شىمرات. شاشاقنىڭ ئوغۇللىرى: يىشپان، ئېبەر، ئەلىئېل، ئابدون، زىكرى، خانان، خانانيا، ئېلام، ئانتوتىيا، يىفدىيا ۋە پىنۇئېل. يىروخامنىڭ ئوغۇللىرى: شامشىراي، شىخاريا، ئاتاليا، يائارېشيا، ئېلىيا ۋە زىكرى. يۇقىرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى جەمەت باشلىقلىرى ۋە يولباشچىلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ئۆز جەمەتىنىڭ نەسەبنامىسىدا خاتىرىلەنگەنىدى. ئۇلار يېرۇسالېمدا ياشايتتى. يىئىئېل گىبئون شەھىرىنى بىنا قىلىپ، شۇ يەرگە ئورۇنلاشتى. ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى مائاكا بولۇپ، تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى ئابدون، كېيىنكىلىرنىڭ ئىسمى زۇر، كىش، بائال، نېر، ناداب، گىدور، ئاخيو، زېكەر ۋە مىقلوت ئىدى. مىقلوت بولسا شىمئاھنىڭ ئاتىسى ئىدى. ئۇلارمۇ يېرۇسالېمدا ئۆز تۇغقانلىرىنىڭ يېنىدا ياشىدى. نېر كىشنىڭ ئاتىسى، كىش سائۇل پادىشاھنىڭ ئاتىسى ئىدى. سائۇل پادىشاھنىڭ يوناتان، مالكىشۇۋا، ئابىناداب ۋە ئەشبائال ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. يوناتان مىرىب-بائالنىڭ ئاتىسى، مىرىب-بائال مىكاھنىڭ ئاتىسى ئىدى. مىكاھنىڭ پىتون، مەلەك، تارېيا ۋە ئاخاز ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. ئاخازدىن ياداھ تۆرەلدى. يىھوئاددادىن ئالەمەت، ئازماۋەت ۋە زىمرى تۆرەلدى. زىمرىدىن موزا تۆرەلدى. موزادىن بىنئا تۆرەلدى، بىنئادىن رافاھ تۆرەلدى، رەفاھتىن ئەلئاسا تۆرەلدى، ئەلئاسادىن ئازېل تۆرەلدى. ئازېلنىڭ ئالتە ئوغلى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ئازرىقام، بوكىرۇ، ئىسمائىل، شىئاريا، ئوبادىيا ۋە خانان ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئازېلنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. ئازېلنىڭ ئىنىسى ئېشەقنىڭ ئۈچ ئوغلى بولۇپ، تۇنجىسى ئۇلام، ئىككىنچىسى يىئۇش، ئۈچىنچىسى ئەلىفەلەت ئىدى. ئۇلامنىڭ ئوغۇللىرى باتۇر جەڭچى ۋە مەرگەن ئوقياچىلار ئىدى. ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئوغۇللىرى ۋە نەۋرىلىرى بولۇپ، جەمئىي 150 كىشى ئىدى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بىنيامىننىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. شۇنداق قىلىپ، پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى نەسەبنامىدا خاتىرىلىنىپ، «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرى كىتابى»غا كىرگۈزۈلگەنىدى. يەھۇدىيە خەلقى پەرۋەردىگارغا ۋاپاسىزلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغانىدى. ئەڭ ئاۋۋال روھانىيلار، لاۋىيلار، ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە باشقا ئىسرائىللار قايتىپ كېلىپ، ئۆز شەھەرلىرىگە ئولتۇراقلاشتى. يەھۇدا، بىنيامىن، ئەفرايىم ۋە ماناسسە قەبىلىلىرىنىڭ بىر قىسىملىرى يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلاشتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە يەھۇدانىڭ ئوغلى پەرەسنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان ئۇتايمۇ بار ئىدى. ئۇتاي ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى، ئاممىھۇد ئومرىنىڭ ئوغلى، ئومرى ئىمرىنىڭ ئوغلى، ئىمرى بانىنىڭ ئوغلى ئىدى. قايتىپ كەلگەن شېلاھنىڭ ئەۋلادلىرى: شېلاھنىڭ تۇنجى ئوغلى ئاسايا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى. زەراخنىڭ ئەۋلادى: يىئۇئېل. يەھۇدا قەبىلىسىدىن قايتىپ كەلگەنلەر جەمئىي 690 كىشى ئىدى. بىنيامىن قەبىلىسىدىن نەسەبنامىغا 956 كىشى كىرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى جەمەت باشلىقلىرى ئىدى. يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەن روھانىيلار: يىدايا، يىھويارىب، ياكىن ۋە خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ باش غوجىدارى ئازاريا. ئازاريا خىلقىيانىڭ ئوغلى، خىلقىيا مىشۇللامنىڭ ئوغلى، مىشۇللام زادوقنىڭ ئوغلى، زادوق مىرايوتنىڭ ئوغلى، مىرايوت ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئىدى. يىروخامنىڭ ئوغلى ئادايا (يىروخام پاشخۇرنىڭ ئوغلى، پاشخۇر مالكىيانىڭ ئوغلى ئىدى) ۋە ئادىئېلنىڭ ئوغلى ماساي (ئادىئېل ياخزېرانىڭ ئوغلى، ياخزېرا مىشۇللامنىڭ ئوغلى، مىششۇلام مىشىللېمىتنىڭ ئوغلى، مىشىللېمىت ئىممېرنىڭ ئوغلى ئىدى)مۇ قايتىپ كەلگەنىدى. جەمەت باشلىقلىرى بولۇپ جەمئىي 1760 روھانىي قايتىپ كەلدى. ئۇلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا خىزمەت قىلىشقا قابىل كىشىلەر ئىدى. يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەن لاۋىيلار: خاششۇبنىڭ ئوغلى شىمايا. (خاششۇب ئازرىقامنىڭ ئوغلى، ئازرىقام مىرارىلاردىن بولغان خاشابيانىڭ ئوغلى ئىدى.) باقباققار، خەرەش، گالال ۋە ماتتانيامۇ قايتىپ كەلگەنىدى. ماتتانيا مىكانىڭ ئوغلى، مىكا زىكرىنىڭ ئوغلى، زىكرى ئاسافنىڭ ئوغلى ئىدى. شىمايانىڭ ئوغلى ئوبادىيا (شىمايا گالالنىڭ ئوغلى، گالال يىدۇتۇننىڭ ئوغلى ئىدى) ۋە ئاسانىڭ ئوغلى بەرەكيا قايتىپ كەلگەنىدى. بەرەكيا ئەلقانانىڭ نەۋرىسى بولۇپ، نىتوفانىڭ يېزىلىرىدا ياشىغانىدى. يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەن ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى تۆۋەندىكىچە: شاللۇم، ئاققۇب، تالمون، ئاخىمان ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى. شاللۇم ئۇلارنىڭ باشلىقى ئىدى. ئۇلار بۈگۈنگە قەدەر شەرق تەرەپتىكى پادىشاھ دەرۋازىسىدا مۇھاپىزەتچىلىك قىلماقتا. لاۋىيلارنىڭ قارارگاھىغا قارايدىغان دەرۋازىۋەنلەرمۇ شۇلاردىندۇر. ئەبياسافنىڭ نەۋرىسى، قورېنىڭ ئوغلى شاللۇم ۋە ئۇنىڭ كوراھ جەمەتىدىن بولغان قېرىنداشلىرى ئىبادەتخانىدا مۇھاپىزەتچىلىك قىلاتتى، ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمۇ بۇرۇن پەرۋەردىگارنىڭ قارارگاھىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا مۇھاپىزەتچىلىك قىلغانىدى. ئەلئازارنىڭ ئوغلى پىنىخاس بۇرۇن ئۇلارغا باشلىق بولغانىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يار ئىدى. مىشەلەميانىڭ ئوغلى زىكىرىيا ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىسىدا مۇھاپىزەتچىلىك قىلغانىدى. كىرىش ئېغىزى بىلەن دەرۋازىغا قاراشقا جەمئىي 212 كىشى تاللانغانىدى. نەسەبنامىدا ئۇلار ئۆزلىرى تۇرىدىغان يېزىلار بويىچە خاتىرىلەنگەنىدى. داۋۇت پادىشاھ بىلەن سامۇئىل پەيغەمبەر بۇ مۇھىم ۋەزىپىنى ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا تاپشۇرغانىدى. ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ دەرۋازىسىدا داۋاملىق مۇھاپىزەتچىلىك قىلىپ كەلدى. ھەممە تەرەپكە، يەنى شەرق، غەرب، شىمال ۋە جەنۇب تەرەپتىكى دەرۋازىلىرىنىڭ ھەربىرىگە دەرۋازىۋەنلەر قويۇلغانىدى. بۇ مۇھاپىزەتچىلەرگە ئۆز يېزىسىدىكى تۇغقانلىرى ياردەملىشىپ، نۆۋەت بىلەن يەتتە كۈندىن قارايتتى. تۆت نەپەر دەرۋازىۋەنلەر باشلىقى لاۋىيلاردىن بولۇپ، ئۇلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھۇجرىلىرى ۋە خەزىنىلىرىگە قاراشقا مەسئۇل ئىدى. ئۇلار ئىبادەتخانىنى مۇھاپىزەت قىلىشقا، شۇنداقلا ھەر كۈنى سەھەردە ئىبادەتخانا دەرۋازىلىرىنى ئېچىشقا مەسئۇل بولغاچقا، تۈننى ئىبادەتخانىنىڭ ئەتىراپىدا ئۆتكۈزەتتى. بەزى لاۋىيلار ئىبادەتكە ئىشلىتىدىغان بۇيۇملارغا قاراشقا مەسئۇل ئىدى. ھەر قېتىم بۇ بۇيۇملارنى ئېلىپ چىقىپ، ئەكىرىپ قويغاندا ئۇلار سانىنى ئالاتتى. يەنە بىر قىسىم لاۋىيلار ئىبادەتخانىنىڭ مۇقەددەس جايىدىكى نەرسىلەرگە، باشقا بۇيۇملارغا ۋە ئۇن، شاراب، زەيتۇن يېغى، ئىسرىق، خۇشبۇي ماددا قاتارلىقلارغا قارايتتى. خۇشبۇي ماددىلارنى تەڭشەپ مۇقەددەس ياغنى ياساش روھانىيلارنىڭ ئىشى ئىدى. لاۋىيلارنىڭ كوراھ جەمەتىدىن بولغان شاللۇمنىڭ تۇنجى ئوغلى ماتتىتيا خۇداغا ئاتالغان نانلارنى پىشۇرۇشقا مەسئۇل ئىدى. قوھات جەمەتىدىكىلەردىن بەزىلىرى ھەر دەم ئېلىش كۈنى ئىبادەتخانىدا پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نانلارنى تەييارلاشقا مەسئۇل ئىدى. لاۋىيلارنىڭ بىر قىسىم جەمەت باشلىقلىرى ئىبادەتخانىنىڭ ساز چېلىش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىدى. ئۇلار ئىبادەتخانىنىڭ ھۇجرىلىرىدا تۇراتتى. ئۇلار كېچە-كۈندۈز ساز چېلىشقا مەسئۇل بولغانلىقى ئۈچۈن، باشقا ئىش قىلمايتتى. يۇقىرىدا ئىسىملىرى تىلغا ئېلىنغان لاۋىيلار نەسەبنامىدا جەمەت باشلىقلىرى، دەپ خاتىرىلەنگەنىدى. ئۇلار يېرۇسالېمدا تۇراتتى. يىئىئېل گىبئون شەھىرىنى بىنا قىلىپ، شۇ يەرگە ئورۇنلاشتى. ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى مائاكا بولۇپ، تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى ئابدون، كېيىنكىلىرنىڭ ئىسمى زۇر، كىش، بائال، نېر، ناداب، گىدور، ئاخيو، زىكىرىيا ۋە مىقلوت ئىدى. مىقلوت بولسا شىمئامنىڭ ئاتىسى ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى يېرۇسالېمدا ئۆز تۇغقانلىرىنىڭ يېنىدا ياشىدى. نېر كىشنىڭ ئاتىسى، كىش سائۇل پادىشاھنىڭ ئاتىسى ئىدى. سائۇل پادىشاھنىڭ يوناتان، مالكىشۇۋا، ئابىناداب ۋە ئەشبائال ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. يوناتان مىرىب-بائالنىڭ ئاتىسى، مىرىب-بائال مىكاھنىڭ ئاتىسى ئىدى. مىكاھنىڭ پىتون، مەلەك، تاخرېيا ۋە ئاخاز ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. ئاخاز ياداھنىڭ ئاتىسى ئىدى. ياداھتىن ئالەمەت، ئازماۋەت ۋە زىمرى تۆرەلدى. زىمرىدىن موزا تۆرەلدى، موزادىن بىنئا تۆرەلدى، بىنئادىن رىفايا تۆرەلدى، رىفايادىن ئەلئاسا تۆرەلدى، ئەلئاسادىن ئازېل تۆرەلدى. ئازېلنىڭ ئالتە ئوغلى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ئازرىقام، بوكىرۇ، ئىسمائىل، شىئاريا، ئوبادىيا ۋە خانان ئىدى. بۇلار ئازېلنىڭ ئوغۇللىرىدۇر. فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللار بىلەن جەڭ قىلىشتى. نۇرغۇن ئىسرائىللار گىلبوۋا تېغىدا قازا قىلدى، قالغانلىرى فىلىستىيەلىكلەردىن قاچتى. فىلىستىيەلىكلەر سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ، ئاخىرى سائۇلنىڭ ئوغۇللىرىدىن يوناتان، ئابىناداب، مالكىشۇۋالارنى ئۆلتۈردى. سائۇلنىڭ ئەتراپىدا جەڭ ئەۋجىگە چىقتى. شۇ پەيتتە سائۇل دۈشمەن ئوقياچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىلىپ، يارىلاندۇرۇلدى. سائۇل ئۆزىنىڭ قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە: _ قىلىچىڭنى سۇغۇر، مېنى ئۆلتۈرۈۋەت، ئاۋۇ خەتنىسىزلەر كېلىپ، مېنى خورلىمىسۇن، _ دېدى. قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچى قاتتىق قورقۇپ كەتكىنىدىن ئۇنداق قىلىشقا ئۇنىمىدى. سائۇل ئۆزىنىڭ قىلىچىنى سۇغۇرۇپ چىقىرىپ، ئۆزىنى قىلىچ ئۈستىگە تاشلىدى. قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچى سائۇلنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇمۇ ئۆزىنى قىلىچى ئۈستىگە تاشلاپ ئۆلدى. شۇنىڭ بىلەن سائۇل، ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى ۋە پۈتۈن نەسلى بىراقلا ھالاك بولدى. يىزرىئەل جىلغىسىدا تۇرۇۋاتقان پۈتۈن ئىسرائىللار ئىسرائىلىيە لەشكەرلىرىنىڭ قاچقانلىقىنى، سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ، شەھەرلىرىنى تاشلاپ قاچتى. ئاندىن فىلىستىيەلىكلەر كېلىپ ئۇ شەھەرلەرگە ئولتۇراقلىشىپ قالدى. ئەتىسى فىلىستىيەلىكلەر ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى سالدۇرۇۋېلىشقا كەلگەندە، سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ گىلبوۋا تېغىدا ئۆلۈك ھالدا ياتقانلىقىنى كۆرۈپ، سائۇلنىڭ ساۋۇت-دۇبۇلغىلىرىنى سالدۇرۇۋېلىپ، ئاندىن كاللىسىنى كېسىۋالدى. فىلىستىيەلىكلەر ئۆز زېمىنىنىڭ ھەر تەرىپىگە چاپارمەنلەرنى ئەۋەتىپ، ئۆز بۇتخانىلىرىغا ۋە خەلققە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزدى. ئۇلار سائۇلنىڭ ساۋۇت-دۇبۇلغىلىرىنى ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ بۇتخانىسىغا قويۇپ، كاللىسىنى داگون دېگەن ئىلاھنىڭ بۇتخانىسىغا مىخلاپ قويدى. گىلئادتىكى يابېش شەھىرىنىڭ ئاھالىسى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ سائۇلغا قىلغان ھەممە ئىشلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەممە باتۇرلار ئاتلىنىپ، سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ جەسەتلىرىنى يابېشقا قايتۇرۇپ ئەكەتتى. ئاندىن سۆڭەكلەرنى يابېشتىكى چوڭ دەرەخنىڭ تۈۋىگە دەپنە قىلىپ، يەتتە كۈن روزا تۇتتى. شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ھىبرونغا كېلىپ، داۋۇتنىڭ قېشىغا يىغىلدى. ئۇلار داۋۇتقا: _ قارىسىلا، بىز سىلىنىڭ جانجىگەر تۇغقانلىرى بولىمىز. بۇرۇن سائۇل بىزگە پادىشاھ بولغان ۋاقتىدىمۇ، سىلى ئۇرۇشلاردا ئىسرائىل خەلقىگە باشچىلىق قىلغانىدىلە. پەرۋەردىگارلىرى بولغان خۇدامۇ سىلىگە: «سەن خۇددى بىر پادىچى ئۆز قويلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاندەك، مېنىڭ خەلقىم بولغان ئىسرائىللارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىسەن ۋە ئۇلارغا باشچى بولىسەن» دېگەنىدى، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ، داۋۇت ھىبروندا ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرى بىلەن «پەرۋەردىگار گۇۋاھ بولسۇن» دەپ، ئەھدە تۈزدى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سامۇئىل ئارقىلىق ۋەدە قىلغىنى بويىچە داۋۇتنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئۇنى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلدى. داۋۇت پادىشاھ ۋە پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى يېرۇسالېم شەھىرىگە كەلدى. ئۇ چاغدا يېرۇسالېم يىبۇس دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئۇ يەرنىڭ خەلقى يىبۇسلار ئىدى. يىبۇسلار داۋۇتقا: _ سەن بۇ يەرگە كىرەلمەيسەن، _ دېدى. (كېيىن، داۋۇت سىئون قەلئەسىنى ھۇجۇم قىلىپ ئالدى ۋە بۇ قەلئەگە «داۋۇت شەھىرى» دەپ نام بەردى.) داۋۇت ئۆز ئادەملىرىگە: _ كىمكى بىرىنچى بولۇپ يىبۇسلارغا ھۇجۇم قىلسا، شۇ ئادەم لەشكەرلىرىمنىڭ بېشى ۋە سەركەردىسى بولىدۇ، _ دېدى. مەزلۇم زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب بىرىنچى بولۇپ ھۇجۇم قىلىپ، لەشكەرلەرنىڭ بېشى بولدى. شۇنداق قىلىپ، داۋۇت قەلئەنى ئىگىلەپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن، بۇ قەلئە «داۋۇت شەھىرى» دەپ ئاتالدى. داۋۇت شەھەرنى تىندۇرۇلغان يەردىن باشلاپ تۆت ئەتراپىدىكى سېپىلىغىچە كېڭەيتىپ قۇردى. شەھەرنىڭ قالغان قىسمىنى يوئاب تۈزەتتى. داۋۇت كۈندىن-كۈنگە كۈچەيدى. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يار ئىدى. تۆۋەندىكىلەر داۋۇتنىڭ لەشكەرلىرى ئىچىدىكى باھادىرلار ئىدى. ئۇلار پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىل ھەققىدە ئېيتقان سۆزى بويىچە داۋۇتنى پادىشاھ قىلغانلار ھەمدە ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا كۈچلۈك مەدەت بەرگەنلەردۇر. داۋۇتنىڭ لەشكەرلىرى ئىچىدىكى باھادىرلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: بىرىنچىسى خاكمونىلىق ياشوبئام بولۇپ، ئۇ «ئۈچ باھادىر»نىڭ بېشى ئىدى. بىر قېتىملىق جەڭدە نەيزىسى بىلەن ئۈچ يۈز ئادەمنى ئۆلتۈرىدۇ. «ئۈچ باھادىر»نىڭ ئىككىنچىسى ئاخوۋاخ ئۇرۇقىدىن بولغان دودونىڭ ئوغلى ئەلئازار ئىدى. فىلىستىيەلىكلەر جەڭ قىلىش ئۈچۈن پاسداممىمغا يىغىلغاندا، ئۇ داۋۇت بىلەن بىرگە ئارپىلىقتا بولۇپ، ئىسرائىل لەشكەرلىرى بۇ چاغدا فىلىستىيەلىكلەردىن قېچىپ كېتىدۇ. داۋۇت بىلەن ئەلئازار بولسا ھېلىقى ئېتىزلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا چىڭ تۇرۇپ، فىلىستىيەلىكلەرنى قىرىۋېتىدۇ ۋە ئېتىزلىقنىمۇ قوغداپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا زور غەلىبە ئاتا قىلىدۇ. داۋۇت تەشنالىق بىلەن: _ بىرەرسى ماڭا بەيتلەھەمنىڭ دەرۋازىسى يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ ئەكېلىپ بەرگەن بولسا ئىدى! _ دەيدۇ. ھېلىقى «ئۈچ باھادىر» فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بارگاھىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، بەيتلەھەمنىڭ دەرۋازىسى يېنىدىكى قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ ئېلىپ، سۇنى داۋۇتقا ئەكېلىپ بېرىدۇ. لېكىن داۋۇت سۇنى ئىچىشنى خالىماي، ئۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يەرگە تۆكۈۋېتىدۇ، ھەمدە: _ خۇدايىم مېنى بۇ سۇنى ئىچىشتىن ساقلىغايسەن. بۇ سۇ، ھاياتىنى ئۆلۈمگە تىكىپ قويۇپ، سۇ ئالغىلى بارغان «ئۈچ باھادىر»نىڭ قېنىدەك قىممەتلىك ئەمەسمۇ؟ _ دەيدۇ ۋە شۇ سەۋەبلىك سۇنى ئىچىشتىن باش تارتىدۇ. مانا بۇ «ئۈچ باھادىر»نىڭ كۆرسەتكەن جەسۇرلۇقلىرىدۇر. يوئابنىڭ ئاكىسى ئابىشاي «ئوتتۇز باھادىر»نىڭ بېشى ئىدى. ئۇ نەيزىسىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا ئۈچ يۈز ئادەمنى ئۆلتۈرىدۇ ۋە «ئۈچ باھادىر»دەك شۆھرەتكە ئېرىشىدۇ. ئۇ «ئوتتۇز باھادىر»نىڭ ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىقى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بېشى ئىدى. بىراق ئۇ «ئۈچ باھادىر»نىڭ ئىچىدە ئەمەس ئىدى. يىھويادانىڭ ئوغلى قابزىئېللىق بىنايا جەسۇر جەڭچى بولۇپ، نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنى قىلىدۇ. ئۇ موئابلارنىڭ كۈچلۈك لەشكىرىدىن ئىككىنى ئۆلتۈرىدۇ. قار ياغقان بىر كۈنى ئۇ ئورىغا چۈشۈپ، بىر شىرنى ئۆلتۈرىدۇ. ئۇ يەنە بويىنىڭ ئېگىزلىكى ئىككى يېرىم مېتىر كېلىدىغان بىر مىسىرلىقنى ئۆلتۈرىدۇ. ئۇ مىسىرلىقنىڭ قولىدا بىر نەيزە بولۇپ، نەيزىسىنىڭ دەستىسى رەخت توقۇيدىغان دەستىگاھنىڭ ئوقىدەك توم ئىدى. بىنايا مىسىرلىقنىڭ يېنىغا كالتەك بىلەنلا ھۇجۇم قىلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ قولىدىكى نەيزىسىنى تارتىۋېلىپ، ئاشۇ نەيزە بىلەن ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ. بۇلار يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايانىڭ قىلغان ئىشلىرىدۇر. شۇڭا ئۇمۇ «ئۈچ باھادىر»دەك شۆھرەتكە ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭ داڭقى «ئوتتۇز باھادىر»نىڭكىدىن ئۈستۈن بولسىمۇ، بىراق «ئۈچ باھادىر»نىڭ ئىچىدە ئەمەس ئىدى. داۋۇت بىنايانى ياساۋۇللار باشلىقى قىلىدۇ. تۆۋەندىكىلەرمۇ داۋۇتنىڭ باھادىرلىرىدىن ئىدى: يوئابنىڭ ئىنىسى ئاسائېل، دودونىڭ ئوغلى بەيتلەھەملىك ئەلخانان، ھارورلۇق شامموت، پېلونلۇق خەلەز، ئىققېشنىڭ ئوغلى تىقوۋالىق ئىرا، ئاناتوتلۇق ئابىئەزەر، خۇشاھلىق سىببىكاي، ئاخوۋاخلىق ئىلاي، نىتوفالىق ماھراي، بائانانىڭ ئوغلى نىتوفالىق خېلەد، بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان گىبئاھلىق رىباينىڭ ئوغلى ئىتاي، پىرئاتونلۇق بىنايا، گائاش سايلىقىدىن كەلگەن خۇراي، ئارابالىق ئابىئېل، باخۇرىملىق ئازماۋەت، شائالبىملىق ئەلياخبا، گىزونلۇق ھاشېمنىڭ ئوغۇللىرى، شاگېنىڭ ئوغلى ھارارلىق يوناتان، ساكارنىڭ ئوغلى ھارارلىق ئاخىئام، ئۇرنىڭ ئوغلى ئېلىفال، مىكېرالىق خېفەر، پېلونلۇق ئاخىيا، كارمەللىك خەزرو، ئەزبانىڭ ئوغلى نائاراي، ناتاننىڭ ئىنىسى يوئېل، ھاگرىنىڭ ئوغلى مىبخار، ئاممونلاردىن بولغان زەلەق، بەئەروتلۇق ناخراي (ناخراي زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئابنىڭ ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ئىدى)، يىترىلاردىن بولغان ئىرا بىلەن گارېب، خىتلاردىن بولغان ئۇرىيا، ئاخلاينىڭ ئوغلى زاباد، شىزانىڭ ئوغلى ھەمدە رۇبېن قەبىلىسىنىڭ يېتەكچىسى بولغان ئادىنا ۋە ئۇنىڭ ئوتتۇز لەشكىرى، مائاكانىڭ ئوغلى خانان، مىتانلىق يوشافات، ئاشتاروتلۇق ئۇززىيا، ئاروئېرلىق خوتامنىڭ ئوغۇللىرى شاما بىلەن يىئىئېل، شىمرىنىڭ ئوغلى يىدىئائېل بىلەن ئۇنىڭ ئىنىسى تىزلىق يوخا، ماخاۋىلىق ئەلىئېل، ئەلنائامنىڭ ئوغۇللىرى يىرىبا بىلەن يوشاۋيا، موئابلىق يىتماھ، ئەلىئېل، ئوبېد ۋە مىزوبايالىق يائاسىئېل. داۋۇت كىشنىڭ ئوغلى سائۇل پادىشاھتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ زىقلاقتا مۆكۈنۈۋالغاندا، داۋۇتنىڭ جەڭ قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن باھادىرلاردىن بىر تۈركۈم ئادەملەر كېلىشتى. ئۇلار ئوڭ قولى بىلەنمۇ، سول قولى بىلەنمۇ ئوقيا ۋە سالغا ئېتىشقا ماھىر بولغان بىنيامىن قەبىلىسىدىن، يەنى سائۇلنىڭ جەمەتىدىن ئىدى. ئۇلارنىڭ بېشى بولغان ئاخىئەزەر ۋە يوئاشلار گىبئاھلىق شىمائانىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. ئۇلاردىن كېيىن ئازماۋەتنىڭ ئوغۇللىرى يىزىئېل بىلەن پەلەت، بىراكا، ئاناتوتلۇق يېھۇ ۋە گىبئونلۇق يىشمايا ئىدى. يىشمايا «ئوتتۇز باھادىر» جەڭچىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېتەكچىسى ئىدى. يەنە يەرەمىيا، ياخازىئېل، يوخانان، گىدېرالىق يوزاباد، ئەلۇزاي، يىرىموت، بىئاليا، شىماريا، خارۇفلۇق شىفاتيا، كوراھلاردىن بولغان ئەلقانا، يىششىيا، ئازارئېل، يوئەزەر بىلەن ياشوبئام، يەنە گىدورلۇق يىروخامنىڭ ئوغۇللىرى يوئېلا بىلەن زىباديا بار ئىدى. گاد قەبىلىسىدىن ئۇرۇشقا ماھىر باتۇر جەڭچىلەر داۋۇت تەرەپكە ئۆتمەكچى بولۇپ، ئۇنىڭ قاقاسلىقتىكى غارىغا باردى. ئۇلار قالقان ۋە نەيزە ئىشلىتىشكە ماھىر بولۇپ، ئۇلارنىڭ قىياپىتى خۇددى شىرغا، يۈگۈرۈشى گويا تاغ ئۈستىدىكى جەرەنگە ئوخشايتتى. ئۇلارنىڭ بېشى ئەزەر، ئىككىنچىسى ئوبادىيا، ئۈچىنچىسى ئەلىئاب، تۆتىنچىسى مىشماننا، بەشىنچىسى يەرەمىيا، ئالتىنچىسى ئاتتاي، يەتتىنچىسى ئەلىئېل، سەككىزىنچىسى يوخانان، توققۇزىنچىسى ئەلزاباد، ئونىنچىسى يەرەمىيا، ئون بىرىنچىسى ماكبانناي ئىدى. بۇ گاد قەبىلىسىدىن بولغانلار قوشۇننىڭ سەركەردىلىرى بولۇپ، ئەڭ ئاجىزلىرى يۈز ئادەمگە، ئەڭ كۈچلۈكلىرى مىڭ ئادەمگە باشچىلىق قىلاتتى. ئەتىيازدا ئىئوردان دەرياسىدىكى سۇلار كۆپىيىپ قىرغاقلىرىدىن تاشقاندا، دەريادىن ئۆتۈپ، جىلغىنىڭ شەرقى ۋە غەربىدىكى كىشىلەرنى قوغلىۋەتكەنلەر دەل مۇشۇ ئادەملەر ئىدى. بىنيامىن بىلەن يەھۇدا قەبىلىلىرىدىن بىر قىسىم كىشىلەر غاردا تۇرىدىغان داۋۇتنىڭ يېنىغا كېلىشتى. داۋۇت سىرتقا چىقىپ، ئۇلارنى كۈتۈۋالدى، ھەمدە: _ سىلەر ئەگەر تىنچلىق ئۈچۈن ماڭا ياردەم بېرىشكە كەلگەن بولساڭلار، مەن سىلەر بىلەن بىر نىيەتتىدۇرمەن. ئەگەر سىلەر مەندەك بىر گۇناھسىزنى دۈشمەنلىرىمگە ساتماقچى بولۇپ كەلگەن بولساڭلار، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بۇنى كۆرۈپ ھۆكۈم چىقارسۇن، _ دېدى. شۇ چاغدا خۇدانىڭ روھى ھېلىقى «ئوتتۇز باھادىر»نىڭ بېشى ئاماسايغا چۈشتى. ئاماساي: _ ئەي داۋۇت، بىز ساڭا تەئەللۇقمىز، ئەي يىشاينىڭ ئوغلى، سەن بىلەن بىللىدۇرمىز! ساڭا ۋە ساڭا ياردەم قىلغانلارغىمۇ تىنچ-ئامانلىق يار بولغاي! چۈنكى سېنىڭ خۇدايىڭ ساڭا ياردەم قىلغۇچىدۇر، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئۇلارنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى لەشكەرلەرنىڭ باشلىقلىرى قىلىپ تەيىنلىدى. داۋۇت فىلىستىيەلىكلەر بىلەن بىرلىكتە سائۇلغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلانغاندا، ماناسسە قەبىلىسىنىڭ بەزىلىرى داۋۇت تەرەپكە ئۆتتى. (لېكىن ئاخىردا فىلىستىيەلىكلەر داۋۇتنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلمىدى، چۈنكى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەگلىرى مەسلىھەتلىشىپ: «ئەگەر داۋۇت ئۆز غوجايىنى سائۇل تەرەپكە ئۆتۈۋالسا، بېشىمىز كېتىدۇ!» دەپ ئۇلارنى قايتۇرۇۋەتتى.) داۋۇت زىقلاققا قايتىپ ماڭغاندا، ئۇنىڭغا ماناسسە قەبىلىسىدىن قوشۇلۇۋالغانلارنىڭ ئىسىملىرى تۆۋەندىكىچە: ئادناخ، يوزاباد، يىدىئائېل، مىكائىل، يوزاباد، ئەلىھۇ ۋە زىللىتاي. بۇلارنىڭ ھەممىسى ماناسسە قەبىلىسىنىڭ مىڭباشلىرى ئىدى. ئۇلار داۋۇتنىڭ قاراقچىلارغا قارشى ئۇرۇشىغا ياردەم قىلدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى باتۇر جەڭچىلەر ئىدى. ئۇلار كېيىن داۋۇت قوشۇنىنىڭ سەركەردىلىرىگە ئايلاندى. داۋۇتقا ياردەم بەرگىلى كەلگەنلەر كۈندىن-كۈنگە ئۇنىڭ قوشۇنىغا قوشۇلۇپ، ئۇنىڭ قوشۇنى خۇددى خۇدانىڭ قوشۇنىدەك بۈيۈك بىر قوشۇنغا ئايلانغانىدى. پەرۋەردىگارنىڭ ۋەدە قىلغىنى بويىچە سائۇلنىڭ پادىشاھلىقىنى داۋۇتقا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا قوشۇلماق بولۇپ، ھىبرونغا كەلگەن قوراللىق لەشكەرنىڭ سانلىرى تۆۋەندىكىچە: يەھۇدا قەبىلىسىدىن قالقان ۋە نەيزە بىلەن قوراللانغان 800‏6 جەڭچى. شىمون قەبىلىسىدىن 100‏7 باتۇر جەڭچى. لاۋىي قەبىلىسىدىن 4600 جەڭچى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھارۇنلارنىڭ جەمەت باشلىقى بولغان يىھويادا ۋە ئۇنىڭ 3700 ئادىمى شۇنداقلا ياش باتۇر زادوق ۋە ئۇنىڭ جەمەتىدىن كەلگەن 22 سەركەردىمۇ بار ئىدى. بىنيامىن قەبىلىسىدىن، سائۇلنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىنمۇ 3000 جەڭچى، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى شۇ ۋاقىتقىچە سائۇل جەمەتىگە سادىق بولۇپ كەلگەنىدى. ئەفرايىم قەبىلىسىدىن 20,800 جەڭچى، بۇلار ئۆز جەمەتلىرىدە يۈز-ئابرۇي تاپقان باتۇر جەڭچىلەر ئىدى. ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىدىن 18,000 جەڭچى. ئۇلار داۋۇتنى پادىشاھ قىلىش ئۈچۈن ئالايىتەن تاللىنىپ كەلگەنىدى. ئىسساكار قەبىلىسىدىن ۋەزىيەتنى چۈشىنىدىغان، ئىسرائىللارنىڭ قانداق قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلىدىغان 200 باشچى بىلەن ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى. زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن جەڭگە تەييار 50,000 جەڭچى. ئۇلار ھەر خىل قورال-ياراغلار بىلەن جەڭگە تەييارلانغان بولۇپ، داۋۇتقا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ياردەم قىلماقچى ئىدى. نافتالى قەبىلىسىدىن 1000 سەركەردە ۋە ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى قالقان ۋە نەيزە بىلەن قوراللانغان 37,000 جەڭچى. دان قەبىلىسىدىن جەڭگە تەييار 28,600 جەڭچى. ئاشېر قەبىلىسىدىن جەڭگە تەييار 40,000 جەڭچى. ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى رۇبېن، گاد ھەم ماناسسە قەبىلىسىنىڭ يېرىمىدىن ھەر خىل قورال-ياراغلار بىلەن قوراللانغان 120,000 جەڭچى. يۇقىرىدا دېيىلگەندەك بۇ لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسى داۋۇتنى پۈتۈن ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى قىلىش ئۈچۈن بىر نىيەتتە بولۇپ، سەپ تۈزۈشۈپ ھىبرونغا كەلدى. قالغان پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىمۇ داۋۇتنى پادىشاھ قىلىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلاشقانىدى. ئۇلار شۇ يەردە قېرىنداشلىرى تەييارلاپ قويغان غىزالارنى داۋۇت بىلەن ئۈچ كۈن يەپ-ئىچىشتى. قېرىنداشلىرى، ھەتتا ئىسساكار، زەبۇلۇن ۋە نافتالىدەك يىراقتا تۇرىدىغان قەبىلىلەرمۇ ئېشەك، تۆگە، قېچىر ۋە بۇقىلارغا ئوزۇق-تۈلۈك ئارتىپ، يەنى زور مىقداردا ئۇن، ئەنجۈر قېقى، كىشمىش، شاراب، زەيتۇن يېغى، كالا ۋە قويلارنى ئېلىپ كەلگەنىدى. چۈنكى ئىسرائىلىيە شاد-خۇراملىققا چۆمگەنىدى. داۋۇت مىڭبېشى ۋە يۈزباشلىرىنىڭ ھەممىسى بىلەن مەسلىھەتلەشتى. بۇ ئىشنى پۈتۈن جامائەت توغرا دەپ قارىغاچقا، ھەممەيلەن ماقۇل بولۇشتى. شۇڭا داۋۇت خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قىريات-يىئارىم شەھىرىدىن ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن مىسىرنىڭ شىخور دەرياسىدىن تاكى لىبو-خاماتقىچە بولغان ئارىلىقتىكى پۈتۈن ئىسرائىللارنى يىغدى. داۋۇت پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن پۈتۈن ئىسرائىللارنى باشلاپ، يەھۇدىيەنىڭ بائالا شەھىرىگە، يەنى قىريات-يىئارىم شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى. پەرۋەردىگارنىڭ تەختى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى ئىككى كېرۇبنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، ئۇنىڭ نام-شەرىپى ئەھدە ساندۇقىدا ئىدى. ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئابىنادابنىڭ ئۆيىدىن كۆتۈرۈپ چىقىپ، يېڭى بىر ھارۋىنىڭ ئۈستىگە قويدى. ئۇززا ۋە ئاخىيو ھارۋىنى ھەيدەپ ماڭدى. داۋۇت ۋە پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا لىرا، چىلتار، داپ، جاڭ ۋە كانايلارنى چېلىپ، ھاياجان بىلەن ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناۋاتاتتى. ئۇلار كىدوننىڭ خامىنىغا كەلگەندە كالا پۇتلىشىپ، خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى چۈشۈپ كېتەي دېگەندە، ئۇززا قولىنى ئۇزىتىپ، ئۇنى يۆلۈۋالدى. ئۇ ئەھدە ساندۇقىغا خالىغانچە قولىنى تەگكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى كېلىپ، ئۇنىڭ جېنىنى ئالدى. ئۇ خۇدانىڭ ئالدىدا جان بەردى. داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۇززانى جازالىغانلىقىغا خاپا بولۇپ، ئۇ يەرنى «پەرەس-ئۇززا» [مەنىسى «ئۇززانىڭ جازالىنىشى»] دەپ ئاتىدى. ئۇ يەر ھازىرغىچە شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە. شۇ كۈنى داۋۇت خۇدادىن قورقۇپ: «خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىغا قاراش ۋەزىپىسىنى قانداق قىلىپ ئۈستۈمگە ئالالايمەن؟» دەپ ئويلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەھدە ساندۇقىنى ئۆزى تۇرۇۋاتقان داۋۇت شەھىرىگە ئەكەلمەي، ئۇنى گاتلىق ئوبېد-ئىدومنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى. خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئوبېد-ئىدومنىڭ ئۆيىدە ئۈچ ئاي تۇردى، پەرۋەردىگار ئوبېد-ئىدومنىڭ ئۇرۇق-جەمەتى ۋە پۈتۈن مال-مۈلكىگە بەرىكەت ئاتا قىلدى. تىر پادىشاھى ھىرام داۋۇتقا ئوردا سېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە كېدىر ياغاچلىرى، تاشچىلار ۋە ياغاچچىلارنىمۇ ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىنى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆز خەلقى ئىسرائىللار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ پادىشاھلىقىنى گۈللەندۈرگەنلىكىنى بىلدى. داۋۇت يېرۇسالېمدا يەنە بىرقانچە خوتۇنلارنى ئالدى ۋە نۇرغۇن پەرزەنت كۆردى. يېرۇسالېمدىكى پەرزەنتلىرىنىڭ ئىسىملىرى: شاممۇۋا، شوباب، ناتان، سۇلايمان، يىبخار، ئەلىشۇۋا، ئەلپەلەت، نوگاھ، نەفەگ، يافىيا، ئەلىشاما، بىئەليادا ۋە ئەلىفەلەت. داۋۇتنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇلۇپ، پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلىپ تەيىنلەنگەنلىكىنى ئاڭلىغان فىلىستىيەلىكلەر لەشكەرلىرىنى داۋۇتنى تۇتۇشقا ئەۋەتتى. داۋۇت بۇنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا قارشى جەڭگە ئاتلاندى. فىلىستىيەلىكلەر كېلىپ، رافائىم جىلغىسىدا بۇلاڭچىلىق قىلدى. داۋۇت خۇدادىن: _ مەن فىلىستىيەلىكلەرگە قارشى جەڭگە چىقايمۇ؟ ئۇلارنى مېنىڭ قولۇمغا تاپشۇرامسەن؟ _ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ جەڭگە چىق، مەن ئۇلارنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇرىمەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئادەملىرى بىلەن بائال-پىرازىمغا بېرىپ، فىلىستىيەلىكلەرنى مەغلۇپ قىلدى ۋە: «خۇدا مېنىڭ قولۇم بىلەن دۈشمەنلىرىم ئۈستىدىن خۇددى كەلكۈندەك بۆسۈپ ئۆتتى» دېدى. شۇڭا ئۇلار بۇ يەرگە «بائال-پىرازىم» [مەنىسى «بۆسۈپ ئۆتكۈچى ئىگە»] دېگەن نامنى بەردى. فىلىستىيەلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرىنى شۇ يەرگە تاشلاپ قاچقانىدى. داۋۇت ئۆزىنىڭ ئادەملىرىگە بۇتلارنى كۆيدۈرۈۋېتىشنى بۇيرۇدى. ۋاھالەنكى، فىلىستىيەلىكلەر يەنە رافائىم جىلغىسىدا بۇلاڭچىلىق قىلدى. داۋۇت يەنە خۇدادىن نېمە ئىش قىلىش كېرەكلىكىنى سورىدى، خۇدا ئۇنىڭغا: _ ئۇلارنىڭ ئالدى تەرىپىدىن بارماي، ئارقىسىغا ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ئۇلارغا تېرەكلىكنىڭ يېنىدىن ھۇجۇم قىل. سەن تېرەكلەرنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىن لەشكەرلىرىمنىڭ ئاياغ تىۋىشلىرىنى ئاڭلىشىڭ بىلەنلا تېز ھۇجۇم قىل، چۈنكى شۇ چاغدا مەن سېنىڭ ئالدىڭدا فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قوشۇنىغا قارشى ھۇجۇمغا چىققان بولىمەن، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار خۇدانىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىش تۇتۇپ، فىلىستىيەلىكلەرنى گىبئوندىن گەزەرگىچە قوغلاپ بېرىپ، قىردى. داۋۇتنىڭ شۆھرىتى ھەممە يۇرتلارغا تارقالدى ۋە پەرۋەردىگار ھەممە خەلقلەرنى ئۇنىڭدىن قورقىدىغان قىلىپ قويدى. داۋۇت ئۆزىگە داۋۇت شەھىرىدە ئوردىلارنى سالدۇردى. كېيىن يەنە خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۈچۈن ئورۇن تەييارلاپ بىر چېدىر تىكتۈردى. ئاندىن داۋۇت مۇنداق دېدى: _ خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى لاۋىيلاردىن باشقا ھېچكىم كۆتۈرسە بولمايدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆزى ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈشكە ۋە ھەمىشە ئۆزىنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا دەل شۇلارنى تاللىغانىدى. داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى تەييارلانغان ئورۇنغا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنى يېرۇسالېمغا يىغدى. ئۇ يەنە ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن لاۋىيلارنى چاقىرتىپ كەلدى: قوھاتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن: جەمەت باشلىقى ئۇرىئېل ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن 120 كىشى، مىرارىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن: جەمەت باشلىقى ئاسايا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن 220 كىشى، گېرشوننىڭ ئەۋلادلىرىدىن: جەمەت باشلىقى يوئېل ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن 130 كىشى، ئەلىزافاننىڭ ئەۋلادلىرىدىن: جەمەت باشلىقى شىمايا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن 200 كىشى، ھىبروننىڭ ئەۋلادلىرىدىن: جەمەت باشلىقى ئەلىئېل ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن 80 كىشى، ئۇززىئېلنىڭ ئەۋلادلىرىدىن: جەمەت باشلىقى ئاممىناداب ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن 112 كىشى. داۋۇت روھانىي زادوق بىلەن روھانىي ئەبىياتار ھەم لاۋىيلاردىن بولغان ئۇرىئېل، ئاسايا، يوئېل، شىمايا، ئەلىئېل بىلەن ئاممىنادابلارنى چاقىرتىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر لاۋىي قەبىلىسىنىڭ باشلىقلىرىسىلەر. شۇڭا سىلەر قېرىنداشلىرىڭلار بىلەن بىللە ئۆزلىرىڭلارنى پاكلاپ، پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى مەن تەييارلىغان ئورۇنغا ئېلىپ كېلىڭلار. ئالدىنقى قېتىم سىلەر ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ باقمىدىڭلار، بىزمۇ پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدىن ئەھدە ساندۇقىنى قانداق كۆتۈرۈپ، ئېلىپ كېلىشىمىزنى سوراپ باقمىدۇق، شۇڭا پەرۋەردىگار بىزگە غەزىپىنى ياغدۇردى. شۇنىڭ بىلەن روھانىيلار بىلەن لاۋىيلار پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنى پاكلىدى. لاۋىيلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق بەرگەن بۇيرۇقى بويىچە خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بالداقلار بىلەن مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ ماڭدى. داۋۇت يەنە لاۋىيلارنىڭ ئاقساقاللىرىغا ئۆز قېرىنداشلىرىدىن نەغمىچىلەر تەيىنلەشنى بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ چىلتار، لىرا، جاڭ قاتارلىق سازلارنى چېلىپ، شاد-خۇراملىق ئىلكىدە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن كۈي ئېيتىشىنى تاپىلىدى. لاۋىيلار تۆۋەندىكى ئادەملەرنى تاللىدى: يوئېلنىڭ ئوغلى ھېماننى، شۇنداقلا ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن بەرەكيانىڭ ئوغلى ئاسافنى ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى بولغان مىرارىلاردىن قۇشايانىڭ ئوغلى ئېتاننى. ئۇلار يەنە لاۋىيلاردىن تۆۋەندىكى ئادەملەرنى ئۇلارغا ياردەمچى قىلدى: زىكىرىيا، يائازىئېل، شىمىراموت، يىخىئېل، ئۇننى، ئەلىئاب، بىنايا، مائاسېيا، ماتتىتيا، ئەلىفىلېھۇ، مىقنېيا، ۋە دەرۋازىۋەنلەردىن ئوبېد-ئىدوم ۋە يىئىئېل. نەغمىچى ھېمان، ئاساف بىلەن ئېتان تۇچ جاڭلارنى چېلىشقا تەيىنلەندى. زىكىرىيا، ئازىئېل، شىمىراموت، يىخىئېل، ئۇننى، ئەلىئاب، مائاسېيا بىنايالار يۇقىرى ئاۋازلىق چىلتار چېلىشقا تەيىنلەندى. ماتتىتيا، ئەلىفىلېھۇ، مىقنېيا، ئوبېد-ئىدوم، يىئىئېل ۋە ئازازيالار تۆۋەن ئاۋازلىق چىلتار چېلىشقا تەيىنلەندى. لاۋىيلارنىڭ بېشى بولغان كىنانيانىڭ كەسپىي قابىلىيىتى يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ناخشا ئېيتقۇچىلارغا مەسئۇل قىلىندى. بەرەكيا بىلەن ئەلقانا ئەھدە ساندۇقى بار ئۆينىڭ ئىشىك قارىغۇچىسى بولدى. شىبانيا، يوشافات، نىتانئېل، ئاماساي، زىكىرىيا، بىنايا، ئەلىئەزەر قاتارلىق روھانىيلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا كاناي چېلىشقا بەلگىلەندى. ئوبېد-ئىدوم بىلەن يىخىيامۇ ئەھدە ساندۇقى بار ئۆينىڭ ئىشىك قارىغۇچىسى بولدى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت، ئىسرائىل ئاقساقاللىرى ۋە مىڭباشلىرى بىلەن بىرگە ئوبېد-ئىدومنىڭ ئۆيىدىن ئەھدە ساندۇقىنى خۇشال ھالدا ئېلىپ چىقتى. پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان لاۋىيلارغا خۇدا ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلار يەتتە بۇقا بىلەن يەتتە قوچقارنى قۇربانلىق قىلدى. شۇ ۋاقىتتا داۋۇت كەندىردىن نەپىس توقۇلغان تون كىيىۋالغانىدى. ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگۈچى لاۋىيلار، نەغمىچىلەر ۋە ناخشا ئېيتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىسى بولغان كىنانيامۇ ئوخشاشلا كەندىردىن توقۇلغان تونلارنى كىيىشىۋالغانىدى. داۋۇت يەنە كەندىر رەختتىن تىكىلگەن ئېفود كىيىۋالغانىدى. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئەھدە ساندۇقىغا ئەگىشىپ خۇشال ھالدا چۇقان سېلىشىپ، بۇرغا، كاناي، جاڭ، چىلتار ۋە لىرا چېلىشتى. پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى داۋۇت شەھىرىگە كىرگەن ۋاقىتتا، سائۇلنىڭ قىزى مىكال دېرىزىدىن داۋۇت پادىشاھنىڭ ئۇسسۇل ئويناپ تەنتەنە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە ئۇنى مەنسىتمىدى. ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى داۋۇت ئۇنىڭغا ئاتاپ تىكتۈرگەن چېدىرغا ئەكىرىپ قويدى. ئۇلار خۇداغا ئاتاپ كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرى قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت خەلققە پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن بەخت تىلىدى. يەنە پۈتۈن خەلققە، ئەر-ئايال دېمەي ھەربىر ئادەمگە بىردىن نان، خورما قېقى ۋە كىشمىش ئۈلەشتۈرۈپ بەردى. داۋۇت بىر قىسىم لاۋىيلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا خىزمەتتە بولۇشقا، يەنى دۇئا-تىلاۋەت قىلىشقا، ئىسرائىلنىڭ پەرۋەردىگارى خۇداغا رەھمەت-تەشەككۈر ئېيتىشقا ۋە مەدھىيە ئوقۇشقا تەيىنلىدى. ئۇلارنىڭ بېشى ئاساف بولۇپ، ئۇنىڭ ياردەمچىسى زىكىرىيا ئىدى. ئۇلاردىن باشقىلىرى يىئىئېل، شىمىراموت، يىخىئېل، ماتتىتيا، ئەلىئاب، بىنايا، ئوبېد-ئىدوم ۋە يىئىئېللار ئىدى. ئۇلار چىلتار ۋە لىرا چېلىشقا بۇيرۇلدى. ئاساف جاڭ چالماقچى بولدى. بىنايا بىلەن ياخازىئېل دېگەن ئىككى روھانىي خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا ھەر دائىم كاناي چېلىشقا بۇيرۇلدى. شۇ كۈنى داۋۇت تۇنجى قېتىم ئاساف ۋە قېرىنداشلىرىنى پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتىشقا بەلگىلىدى: پەرۋەردىگارغا شۈكۈرلەر ئېيتىڭلار، ئۇنىڭ شەنىگە مەدھىيەلەر ئوقۇڭلار، كارامەتلىرىنى ئەللەر ئارا بايان قىلىڭلار! خۇدانى كۈيلەڭلار قېتىپ ناخشا-نەغمىگە، مۆجىزىلىرىنى ئۇنىڭ جاكارلاڭلار ھەممىگە. ئۇلۇغلاڭلار مۇقەددەس خىسلەتلىرىنى خۇدانىڭ، قەلبى شادلانسۇن پەرۋەردىگارنى سېغىنغانلارنىڭ. تەلپۈنۈڭلار خۇدانىڭ قۇدرىتىگە-كۈچىگە، ئىنتىلىڭلار ھەم ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا-مېھرىگە. ئېسىڭلاردا بولسۇن ئۇنىڭ كارامەتلىرى، مۆجىزىلىرى ۋە چىقارغان ھۆكۈملىرى، ئى خۇدانىڭ قۇلى، ئىسرائىلنىڭ نەسىللىرى، ئۇ ئۆزى تاللىغان ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى. ئۇ پەرۋەردىگاردۇر، ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى ھەممە يەردە كۈچكە ئىگىدۇر. ئۇنىڭ تۈزگەن ئەھدىسى ئەبەدىي يادىدىدۇر، بۇ ئۇنىڭ ئاداققىچە ۋەدە قىلغان سۆزىدۇر. پەرۋەردىگار ئىبراھىم بىلەن ئەھدە تۈزگەنىدى، ئىسھاققىمۇ قەسەم ئىچكەنىدى. ئۇ بۇنى ياقۇپقىمۇ نىزام قىلىپ بەرگەنىدى. ئىسرائىلغا مەڭگۈلۈك ئەھدە قىلىپ مۇنداق دېگەنىدى: «كەنئان زېمىنىنى سېنىڭ مۈلكۈڭ قىلىمەن، ئۇنى ساڭا تەئەللۇق نېسىۋەڭ قىلىمەن.» ئۇ چاغدا ئۇلار ناھايىتى ئاز سانلىق ئىدى، نەزەردە يوق ھەم مۇساپىر ئىدى. ئۇلار يۇرتمۇ-يۇرت سەرسان ئىدى، ئەلدىن-ئەلگە كېزەر ئىدى. خۇدا ھېچكىمنىڭ ئۇلارنى ئېزىشىگە يول قويمىدى، ئۇلارنى دەپ، پادىشاھلارنىمۇ مۇنداق ئاگاھلاندۇردى: «مېنىڭ تاللىغانلىرىمغا چېقىلماڭلار، پەيغەمبەرلىرىمگە زىيانكەشلىك قىلماڭلار.» ناخشا ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا، ئەي جاھان ئەھلى، بايان ئەيلەپ ھەر كۈنى ئۇنىڭ نىجاتلىقىنى. تارقىتىڭلار شان-شەرىپىنى ئەللەر ئارا، ئاجايىپ ئىشلىرىنى خەلق ئارا. ئۇلۇغ بولغاچ پەرۋەردىگار دائىما، ئۇ لايىقتۇر ھەسسىلەپ مەدھىيەلىنىشكە، ئۈستۈن بولغاچ ئۇ بارلىق «ئىلاھلار»دىن، پەقەت ئۇلا ئەرزىيدۇ ئەيمىنىشكە. پەقەت بۇتتۇر باشقىلارنىڭ ئىلاھلىرى، ئەمما خۇدا ياراتقاندۇر ئەرشلەرنى. ئوراپ تۇرار شان-شەرەپ ۋە بۈيۈكلۈك ئۇنى، قۇدرەت ۋە شاد-خۇراملىققا تولغاندۇر ئۇنىڭ تۇرارگاھى. تەرىپلەڭلار ئەي ئەل-قوۋملار پەرۋەردىگارنى، كۈيلەڭلار ئۇنىڭ شان-شۆھرەت ۋە قۇدرىتىنى. شادلانسۇن يەر-جاھان، خۇش بولسۇن ئاسمانلار، ئېيتىشسۇن ئەللەر ئارا: «پەرۋەردىگار ئەڭ ئالىي ھۆكۈمراندۇر.» تەنتەنە قىلىشسۇن دېڭىز ۋە ئۇنىڭدىكى جانلىقلار، يايرىسۇن دالىلار، ئۇنىڭدىكى چارۋىلار. ناخشا ئېيتسۇن ئىگىمىز ئالدىدا ئورمانلار، چۈنكى پەرۋەردىگار جەزمەن كېلىدۇ دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا. پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇ شاپائەتلىكتۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر. يەنە شۇنداق دەپ ئېيتىڭلار: _ ئى نىجاتكار بولغان خۇدايىمىز، قۇتقۇزغىن بىزنى، يات ئەللەر ئارىسىدىن قايتا يىغىپ ئەكەلگىن بىزلەرنى. شۇندا سېنى مەدھىيەلەيلى، كۈيلەيلى، شۇ مۇقەددەس نامىڭغا شۈكۈر-رەھمەت ئېيتايلى. مەدھىيەلەنگەي مەڭگۈدىن-مەڭگۈگە، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار! ئاندىن كېيىن پۈتۈن خالايىقلار «ئامىن» دېيىشىپ، پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇشتى. داۋۇت، ئاساف بىلەن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنى ھەر كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا داۋاملىق خىزمەتتە بولۇش ۋەزىپىسىگە قالدۇرۇپ قويدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئوبېد-ئىدوم بىلەن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن ئاتمىش سەككىز كىشى بار ئىدى. شۇنىڭدەك يىدۇتۇننىڭ ئوغلى ئوبېد-ئىدوم بىلەن خوساھ دەرۋازىۋەنلىككە قويۇلدى. داۋۇت روھانىي زادوق بىلەن ئۇنىڭ روھانىي قېرىنداشلىرىنى گىبئوندىكى مۇقەددەس جايغا تىكىلگەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىدا خىزمەت قىلىشقا تەيىنلىدى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغىنى بويىچە ھەر كۈنى ئەتىگىنى، ئاخشىمى قۇربانلىق سۇپىسى ئۈستىدە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى سۇنۇشقا بۇيرۇلدى. ئۇلار بىلەن بىللە بولغانلار، يەنى ھېمان، يىدۇتۇن ۋە قالغان تاللانغانلار، شۇنداقلا بارلىق ئىسمى تىزىملانغانلار پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتىشقا بۇيرۇلدى، چۈنكى «ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر». ھېمان ۋە يىدۇتۇن بولسا سازەندىلىككە، جۈملىدىن كاناي، جاڭ ۋە خۇدا ئۈچۈن چېلىنىدىغان بارلىق سازلارنى چېلىپ، مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئوقۇشقا مەسئۇل قىلىندى. يىدۇتۇننىڭ ئوغۇللىرى دەرۋازىغا قاراشقا قويۇلدى. شۇنىڭدىن كېيىن كۆپچىلىك ئۆز ئۆيلىرىگە قايتىشتى، داۋۇتمۇ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرگە بەخت تىلەشكە قايتتى. ئۇ چاغلاردا پادىشاھ داۋۇت ئۆز ئوردىسىدا تۇراتتى. بىر كۈنى داۋۇت ناتان ئىسىملىك پەيغەمبەرگە: _ قاراڭ، مەن كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان ئوردىدا تۇرۇۋاتىمەن، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى بولسا چېدىردا تۇرۇۋاتىدۇ، _ دېدى. ناتان پەيغەمبەر داۋۇتقا: _ خۇدا سىزگە يار بولۇۋاتقاندىكىن، كۆڭلىڭىزدە قانداق ئويلىغان بولسىڭىز شۇنداق قىلىڭ، _ دېدى. لېكىن شۇ كۈنى كەچتە خۇدادىن ناتانغا ۋەھىي كەلدى: «سەن بېرىپ، خىزمەتكارىم داۋۇتقا مۇنداق دېگىن: مېنىڭ تۇرۇشۇم ئۈچۈن ئىبادەتخانىنى سەن سالمايسەن. مەن پەرۋەردىگار ئىسرائىل خەلقىنى مىسىردىن باشلاپ چىققان كۈندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر ئىبادەتخانىدا تۇرۇپ باقمىدىم، بەلكى ئىبادەت چېدىرى بىلەن بىرگە كۆچۈپ، ئايلىنىپ يۈردۈم. مەن ئىسرائىل خەلقى بىلەن بىللە بولغان يەرلەردە خەلقىم ئىسرائىللارنى پادىچى بولۇپ باشلاپ ماڭسۇن دەپ، تەيىنلىگەن يېتەكچىلەرگە: ‹نېمە ئۈچۈن ماڭا ئاتاپ كېدىر ياغىچىدىن ئوردا سالدۇرمىدىڭلار؟› دەپ باققانمۇ؟ مەنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، سېنى يايلاقتا قويلارنىڭ ئارقىسىدا يۈرگەن يېرىڭدىن تاللاپ، خەلقىم ئىسرائىللارغا باش بولۇشقا قويدۇم، قەيەرگىلا بارساڭ مەن ساڭا يار بولۇپ، ھەممە دۈشمىنىڭنى كۆز ئالدىڭدا يوقاتتىم. ئەمدى سېنىڭ نامىڭنى يەر يۈزىدىكى ئۇلۇغلارنىڭ نامىدەك ئۇلۇغ قىلىمەن. سېنىڭ كۈنلىرىڭ توشۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ يېنىغا كەتكەن چېغىڭدا، ئۆز پۇشتۇڭدىن بولغان ئوغۇللىرىڭدىن بىرىنى ئورنۇڭغا قويىمەن، ھەمدە ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قىلىمەن. ماڭا ئاتالغان ئىبادەتخانىنى ئۇ سالدۇرىدۇ، مەن ئۇنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى مەڭگۈلۈك قىلىمەن. مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن، ئۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ. سەندىن ئىلگىرى پادىشاھ بولغان سائۇلنى مېھىر-مۇھەببىتىمدىن مەھرۇم قىلغانىدىم. لېكىن مېھىر-مۇھەببىتىمنى سېنىڭ پۇشتۇڭدىن ھېچقاچان ئايرىمايمەن. مەن ئۇنى ئۆز خانىدانلىقىم ۋە پادىشاھلىقىمدا مەڭگۈ تۇرغۇزىمەن. ئۇنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى ئەبەدىي قىلىمەن.» ناتان پەيغەمبەر پەرۋەردىگاردىن ئۆزىگە كەلگەن ۋەھىيلەرنىڭ ھەممىسىنى داۋۇتقا يەتكۈزدى. شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت پادىشاھ ئەھدە ساندۇقى قويۇلغان چېدىرغا كىرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئولتۇرۇپ مۇنداق دېدى: _ ئى پەرۋەردىگار خۇدا! ماڭا بۇ قەدەر شاپائەت قىلغۇدەك مەن كىم ئىدىم، ئائىلەم قانچىلىك ئىدى؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە، سەن خۇدايىم مەن قۇلۇڭنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ۋەدە بەردىڭ. ئى پەرۋەردىگار خۇدا، سەن مېنى نەزىرىڭدە ئۇلۇغ ئادەم بىلدىڭ. سەن مەن قۇلۇڭنى شۆھرەتكە ئېرىشتۈردۈڭ، ساڭا دەيدىغان يەنە نېمە گېپىم بولسۇن؟ ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنى بىلىسەن، مەن قۇلۇڭ ئۈچۈن ئۆزۈڭنىڭ خاھىشىڭ بويىچە شۇنداق ئۇلۇغۋار ئىشلارنى قىلدىڭ ۋە بۇ ئىشلارنى مەن قۇلۇڭغا ئايان قىلدىڭ. ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ تەڭدىشىڭ يوقتۇر. سەن بىردىنبىر ھەقىقىي خۇدادۇرسەن. بىز ساڭا ئوخشاش باشقا خۇدا ھەققىدە ھېچقاچان ئاڭلاپ باقمىغانىدۇق. يەر يۈزىدە ئىسرائىللاردەك يەنە بىر خەلق بارمۇ؟ قايسى بىر خەلقنى ئىسرائىللاردەك قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرۇپ ئۆز خەلقىڭ قىلدىڭ؟ ئىسرائىللار ئۈچۈن قىلغان ئۇلۇغ مۆجىزىلىرىڭ شان-شۆھرىتىڭنى نامايان قىلدى. ئۆز خەلقىڭنى مىسىردىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋالغان يات ئەللەرنى قوغلىۋەتتىڭ. ئى پەرۋەردىگار، سەن ئىسرائىللارنى مەڭگۈگە ئۆز خەلقىڭ قىلدىڭ ۋە ئۆزۈڭ ئۇلارنىڭ خۇداسى بولدۇڭ. ئى پەرۋەردىگار، قۇلۇڭ ۋە قۇلۇڭنىڭ ئەۋلادلىرى توغرۇلۇق قىلغان سۆزلىرىڭ مەڭگۈگە مۇستەھكەم بولسۇن، ۋەدىلىرىڭنى ئىشقا ئاشۇرغايسەن. شۇندا نامىڭ تائەبەدكە ئۇلۇغلىنىپ، ئىنسانلار: «ئىسرائىللارغا يېتەكچىلىك قىلغۇچى خۇدا، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىكەن» دېيىشىدۇ. قۇلۇڭ داۋۇتنىڭ خانىدانلىقى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە سېنىڭ ھۇزۇرۇڭدا مۇستەھكەم تۇرىدۇ. ئى خۇدايىم! سەن قۇلۇڭ داۋۇتنىڭ جەمەتىگە بىر خانىدانلىق تىكلەپ بېرىدىغانلىقىڭنى ئايان قىلغانىدىڭ، شۇ سەۋەبتىن مەن ساڭا شۇنداق دەپ دۇئا قىلىشقا جۈرئەت قىلدىم. ئى پەرۋەردىگار، سەن خۇدادۇرسەن! سەن ماڭا مۇشۇنداق ياخشى ئىشلارنى ۋەدە قىلدىڭ. مېنىڭ خانىدانلىقىمنىڭ ھۇزۇرۇڭدا مەڭگۈ تۇرۇشى ئۈچۈن رازىمەنلىك بىلەن بەخت ئاتا قىلدىڭ. ئى پەرۋەردىگار! سەن ئاتا قىلغان بەخت بىلەن قۇلۇڭنىڭ خانىدانلىقى مەڭگۈ بەختكە سازاۋەر بولىدۇ. مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن داۋۇت فىلىستىيەلىكلەرگە يەنە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى بويسۇندۇردى. ئۇ گات دېگەن شەھەرنى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەرنى فىلىستىيەلىكلەردىن تارتىۋالدى. ئۇ موئابلارنىمۇ مەغلۇپ قىلدى. شۇنداق قىلىپ موئابلار داۋۇتقا ئەل بولۇپ، ئۇنىڭغا باج-سېلىق تۆلەيدىغان بولدى. زوباھ پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى ھادادئەزەر فىرات دەرياسى ئەتراپىدىكى زېمىنغا بولغان ھوقۇقىنى تارتىۋېلىشقا ئاتلىنىپ چىققاندا، داۋۇت ئۇنى مەغلۇپ قىلىپ، خامات دېگەن يەرگىچە ھۇجۇم قىلىپ باردى. داۋۇت ئۇنىڭ بىر مىڭ دانە جەڭ ھارۋىسىنى، يەتتە مىڭ ئاتلىق لەشكىرىنى ۋە 20 مىڭ پىيادە لەشكىرىنى ئەسىرگە ئالدى. ئۆزىنىڭ يۈز ھارۋىسىنى تارتىشقا يەتكۈدەك ئاتنى قالدۇرغاندىن بۆلەك، قالغان ئاتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پېيىنى كەستۈرۈۋەتتى. دەمەشقتىكى سۈرىيەلىكلەر زوباھ پادىشاھى ھادادئەزەرگە ياردەم بېرىشكە كەلگەندە، داۋۇت سۈرىيەلىكلەردىن 22 مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى. شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت دەمەشقتىكى سۈرىيەلىكلەر رايونىغا ئۆزىنىڭ قوشۇنلىرىنى تۇرغۇزدى. شۇنداق قىلىپ سۈرىيەلىكلەر داۋۇتقا ئەل بولۇپ، ئۇنىڭغا باج تۆلەيدىغان بولدى. داۋۇت مەيلى نەگە ھۇجۇم قىلمىسۇن، پەرۋەردىگار ئۇنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈپ تۇردى. داۋۇت ھادادئەزەرنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئالتۇن قالقانلىرىنى ئولجا ئېلىپ يېرۇسالېمغا قايتتى. داۋۇت پادىشاھ يەنە ھادادئەزەرنىڭ تىبخات ۋە كۇن دېگەن ئىككى شەھىرىدىنمۇ ناھايىتى نۇرغۇن تۇچ ئولجا ئالدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا سۇلايمان بۇ تۇچلاردىن ئىبادەتخانا ھويلىسىدا تۇرىدىغان «تۇچ دېڭىزى» دەپ ئاتالغان تۇچ داڭقان، تۈۋرۈكلەر ۋە تۇچ بۇيۇملارنى ياساتتى. خامات پادىشاھى توئۇ داۋۇتنىڭ زوباھ پادىشاھى ھادادئەزەرنىڭ پۈتۈن قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئوغلى ھادورامنى داۋۇت پادىشاھنىڭ ئالدىغا سالامغا ئەۋەتتى ۋە ئۇنىڭ ھادادئەزەر بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ئەمەلىيەتتە توئۇ ھادادئەزەر بىلەن دائىم ئۇرۇش قىلىپ كەلگەنىدى. ئۇ يەنە داۋۇتقا ئالتۇن، كۈمۈش ۋە تۇچتىن ياسالغان ھەر تۈرلۈك نەرسىلەرنى سوۋغا قىلىپ ئەۋەتتى. داۋۇت پادىشاھ بۇ نەرسىلەرنى ۋە بارلىق خەلقلەردىن، يەنى ئىدوملۇقلار، موئابلار، ئاممونلار، فىلىستىيەلىكلەر ۋە ئامالەكلەردىن ئولجا ئالغان ھەممە ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى پەرۋەردىگار ئۈچۈن قىلىنىدىغان خىزمەتلەرگە ئاتىدى. مەزلۇم زىرۇيانىڭ ئوغلى ئابىشاي تۇز جىلغىسىدا ئىدوملۇقلاردىن 18 مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئۇ يەنە ئىدومغا ئۆز قوشۇنلىرىنى تۇرغۇزدى، ئىدوملۇقلارنىڭ ھەممىسى داۋۇتقا ئەل بولدى. داۋۇت قەيەرگە بېرىپ جەڭ قىلمىسۇن، ھەممە يەردە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا غەلىبە-نۇسرەت ئاتا قىلدى. داۋۇت ئەمدى پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ خەلقنى ئادىللىق ۋە ھەققانىيەت بىلەن باشقۇردى. مەزلۇم زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب قوشۇنغا باش سەركەردە، ئاخىلۇدنىڭ ئوغلى يىھوشافات تەزكىرىچى، ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى زادوق بىلەن ئەبىياتارنىڭ ئوغلى ئابىمەلەك روھانىي، سىرايا پۈتۈكچى، يىھويادانىڭ ئوغلى بىنايا كىرېتلەر بىلەن پىلېتلەردىن تەركىب تاپقان ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى، داۋۇتنىڭ ئوغۇللىرى پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولىدىغان باش ئەمەلدارلار ئىدى. ئارىدىن بىرقانچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئاممونلارنىڭ پادىشاھى ناخاش ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ پادىشاھلىق ئورنىغا ئوغلى خانۇن چىقتى. داۋۇت: «خانۇننىڭ ئاتىسى ناخاش ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، مەن ئۇنىڭ ئوغلى خانۇنغا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىمەن» دەپ ئويلىدى. داۋۇت ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىش ئۈچۈن ئەلچىلىرىنى ئەۋەتتى. ئەلچىلەر خانۇنغا تەسەللى بېرىش ئۈچۈن ئاممونلارنىڭ زېمىنىغا كىرگەندە، ئاممونلارنىڭ ئەمەلدارلىرى خانۇنغا: _ داۋۇت بۇ يەرگە ھال سورىغىلى ئادەم ئەۋەتىپتۇ، سىلىچە ئۇ ئاتىلىرىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىۋاتقانمىدۇ؟ ئۇنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ بۇ يەرگە كېلىشتىكى مەقسىتى بۇ زېمىننى تەكشۈرۈپ، پايلاپ چىقىپ، ئاندىن كېيىن زېمىنىمىزنى ئىشغال قىلىش، دەپ ئويلىماملا؟ _ دېيىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن خانۇن داۋۇتنىڭ ئەلچىلىرىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ساقال-بۇرۇتلىرىنى چۈشۈرۈۋەتتى. يەنە ئۇلارنىڭ تونلىرىنىڭ ئاستى تەرىپىدىن يانپاشلىرىغىچە بولغان قىسمىنى كېسىۋېتىپ، ئاندىن ئۇلارنى قوغلىۋەتتى. داۋۇت ئەلچىلەرنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇلارنى كۈتۈۋېلىشقا ئالدىغا ئادەم ئەۋەتتى. ئەلچىلەر تولىمۇ ئىزا-ئاھانەتتە قالغانىدى. پادىشاھ ئەلچىلىرىگە: «سىلەر ئېرىخا شەھىرىدە تۇرۇپ، ساقال-بۇرۇتۇڭلار ئۆسكەندىن كېيىن قايتىپ كېلىڭلار» دەپ سۆز ئەۋەتتى. ئاممونلار ئۆزلىرىنىڭ داۋۇتنى رەنجىتىپ قويغانلىقىنى بىلىپ، خانۇن بىلەن بىرلىشىپ، 35 توننا كۈمۈشكە ئاررام-ناھارايىم، ئاررام-مائاكا ۋە زوباھ دېگەن يەرلەردىن ھارۋىلىق لەشكەرلەرنى جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن ياللاپ ئالدى. ئۇلار يەنە 32 مىڭ ھارۋىلىق لەشكەرلەر، شۇنداقلا مائاكا پادىشاھى بىلەن ئۇنىڭ قوشۇنىنى ياللاپ ئالدى. مائاكا پادىشاھى كېلىپ، مېدىبا شەھىرىنىڭ ئالدىدا بارگاھ قۇردى. ئاممونلارمۇ ئۆز شەھەرلىرىدىن يىغىلىشىپ جەڭگە ئاتلاندى. داۋۇت بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پۈتۈن قوشۇنىنى يوئابنىڭ باشچىلىقىدا ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا چىقاردى. ئاممونلار پايتەخت رابباھ شەھىرىدىن چىقىپ، شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا سەپ تۈزۈپ تۇردى، ياردەمگە كەلگەن باشقا پادىشاھلار بولسا دالادا ئايرىم بىر قوشۇن بولۇپ تۇردى. يوئاب ئۆزىنىڭ ئالدى-كەينىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ بىر قىسىم خىل لەشكەرلىرىنى تاللاپ، ئۇلارنى سۈرىيەلىكلەرگە قارشى سەپكە تۇرغۇزدى. قالغان ئادەملىرىنى بولسا ئاكىسى ئابىشاينىڭ باشقۇرۇشىغا قويدى. ئابىشاي ئۇلارنى ئاممونلارغا قارشى جەڭگە تەييار قىلدى. يوئاب ئابىشايغا: _ مۇبادا سۈرىيەلىكلەر مەندىن كۈچلۈك چىقسا، سەن ماڭا ياردەمگە كەل. مۇبادا ئاممونلار سەندىن كۈچلۈك چىقسا، مەن ساڭا ياردەمگە باراي. جاسارەتلىك بول، خەلقىمىز ۋە خۇدايىمىزنىڭ شەھەرلىرى ئۈچۈن جان تىكىپ ئۇرۇش قىلايلى! پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئەمەلگە ئاشقاي، _ دېدى. يوئاب ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئىلگىرىلەپ بېرىپ، سۈرىيەلىكلەرگە ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييار بولدى. سۈرىيەلىكلەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا قاچتى. سۈرىيەلىكلەرنىڭ قاچقانلىقىنى كۆرگەن ئاممونلارمۇ يوئابنىڭ ئاكىسى ئابىشايدىن قېچىپ، شەھەرگە قايتىپ كىرىۋالدى. شۇنىڭدىن كېيىن يوئاب يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى. ئىسرائىللاردىن يېڭىلگەنلىكىنى بىلگەن سۈرىيەلىكلەر فىرات دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى سۈرىيەلىكلەرگە ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇلارنى يۆتكەپ كەلدى. ئۇلار ھادادئەزەر قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى شوباكنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۇرۇشقا كەلدى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان داۋۇت ئىسرائىلىيەدىكى لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ، ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، سۈرىيەلىكلەرگە يېقىن يەرگە كېلىپ، ئۆز قوشۇنىنى ئۇلارغا قارشى سەپكە تۇرغۇزدى. بۇنى كۆرگەن سۈرىيەلىكلەر داۋۇتقا قارشى جەڭگە ئاتلاندى. ۋاھالەنكى، سۈرىيەلىكلەر ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن يەنە قاچتى. داۋۇت سۈرىيەلىكلەرنىڭ يەتتە مىڭ ھارۋىلىق لەشكىرىنى ۋە 40 مىڭ پىيادە لەشكىرىنى ئۆلتۈردى. داۋۇت يەنە سۈرىيەلىكلەرنىڭ قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى شوباكنى ھالاك قىلدى. ھادادئەزەرگە تەۋە پادىشاھلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ ئىسرائىللاردىن مەغلۇپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ، داۋۇت بىلەن سۈلھى تۈزۈشۈپ، ئۇنىڭغا ئەل بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن سۈرىيەلىكلەر ئاممونلارغا ياردەم بېرىشتىن باش تارتىدىغان بولدى. ئەتىياز كېلىپ، پادىشاھلار جەڭگە چىقىدىغان چاغ بولدى. يوئاب ئىسرائىلىيە قوشۇنىنى جەڭگە باشلاپ ئاممونلارنىڭ زېمىنىغا بېسىپ كىردى ۋە رابباھ شەھىرىنى قورشاۋغا ئالدى. داۋۇت ئۆزى بولسا يېرۇسالېمدا قالدى. يوئاب رابباھقا ھۇجۇم قىلىپ، شەھەرنى ۋەيران قىلىۋەتتى. داۋۇت ئاممونلارنىڭ پادىشاھىنىڭ بېشىدىكى ئالتۇن تاجنى ئالدى. ئېغىرلىقى 35 كىلو كېلىدىغان، ئۈستى ياقۇت بىلەن بېزەلگەن بۇ ئالتۇن تاج داۋۇتنىڭ بېشىغا كىيدۈرۈلدى. داۋۇت شەھەردىن نۇرغۇن ئولجىلارنى ئالدى. ئۇ يەنە شەھەر ئاھالىسىنى ھەرە، كەتمەن، پالتا بىلەن قىلىنىدىغان ئىشلارغا سالدى. داۋۇت ئاممونلارنىڭ باشقا شەھەر ئاھالىلىرىگىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلدى. ئاندىن داۋۇت پۈتۈن قوشۇنىنى باشلاپ، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، گەزەر دېگەن يەردە فىلىستىيەلىكلەر بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇرۇش بولدى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا خۇشاھلىق سىببىكاي رافاھ خەلقىدىن بولغان سىپپاي ئىسىملىك بىر پالۋاننى ئۆلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن فىلىستىيەلىكلەر بويسۇندى. فىلىستىيەلىكلەر بىلەن بولغان يەنە بىر ئۇرۇشتا يائىرنىڭ ئوغلى ئەلخانان گاتلىق گولياتنىڭ قېرىندىشى لاخمىنى ئۆلتۈردى. لاخمىنىڭ نەيزىسىنىڭ دەستىسى دەستىگاھنىڭ ئوقىدەك توم ئىدى. كېيىن گاتتا يەنە بىر مەيدان ئۇرۇش بولدى. بۇ ئۇرۇشقا ناھايىتى بەستلىك بىر ئادەم قاتناشقان بولۇپ، ئۇنىڭ قول ۋە پۇتىدا ئالتىدىن جەمئىي يىگىرمە تۆت بارماق بار ئىدى. ئۇمۇ رافاھ خەلقىدىن ئىدى. بۇ ئادەم ئىسرائىللارنى ھاقارەتلىگەنلىكى ئۈچۈن، داۋۇتنىڭ ئاكىسى شامماھنىڭ ئوغلى يوناتان ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. بۇ فىلىستىيەلىك پالۋانلار گات شەھىرىدىكى رافاھ خەلقىدىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. شەيتان ئىسرائىللارغا قارشى تۇرۇپ، داۋۇتنى ئىسرائىلىيەنىڭ جەڭ قىلىشقا قادىر ئادەملىرىنى ساناپ چىقىشقا كۈشكۈرتتى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئۆز قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى يوئاب ۋە باشقا سەركەردىلىرىگە بۇيرۇق قىلىپ: _ سىلەر ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنى داندىن تاكى بەئەرشەباغىچە ئارىلاپ، جەڭ قىلىشقا قادىر ئادەملەرنى ساناپ، مەلۇمات ئېلىپ كېلىڭلار. مەن ئۇلارنىڭ سانىنى بىلىشىم كېرەك، _ دېدى. ۋاھالەنكى، يوئاب پادىشاھتىن: _ پەرۋەردىگار لەشكەرلىرىنىڭ سانىنى يۈز ھەسسە ئاشۇرغاي. پادىشاھ ئالىيلىرى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئالىيلىرىنىڭ خىزمىتىدە ئەمەسمۇ؟ ئالىيلىرى، نېمە سەۋەبتىن بۇنداق قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدىلا؟ نېمە ئۈچۈن ئىسرائىللارغا گۇناھ ئارتىلا؟ _ دەپ سورىدى. لېكىن پادىشاھنىڭ سۆزى يوئابنىڭ سۆزىدىن ئۈستۈن كەلدى. شۇنداق قىلىپ، يوئاب پۈتۈن ئىسرائىلىيەنى ئايلىنىپ، ئاندىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى. يوئاب لەشكەرلەرنى تىزىملاش ئەھۋالىدىن داۋۇتقا مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دېدى: _ پۈتۈن ئىسرائىلىيەدە جەڭ قىلىشقا قادىر بىر مىليون يۈز مىڭ ئادەم، يەھۇدىيەدە 470 مىڭ ئادەم بار ئىكەن. بىراق يوئاب لاۋىي بىلەن بىنيامىن قەبىلىلىرىنى بۇ سانغا كىرگۈزمىگەنىدى، چۈنكى پادىشاھنىڭ بۇ بۇيرۇقى ئۇنىڭ نەزىرىدە يىرگىنچلىك ئىدى. ئەمما خۇدا بۇ ئىشتىن نارازى بولۇپ، ئىسرائىل خەلقىنى جازالىدى. داۋۇت خۇداغا: _ لەشكەرلەرنىڭ سانىنى ئېلىپ، ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپتىمەن! قۇلۇڭنىڭ گۇناھىدىن كەچكەيسەن، مەن تولىمۇ ئەخمىقانە ئىش قىلىپتىمەن! _ دېدى. پەرۋەردىگار داۋۇتنىڭ خىزمىتىدە بولۇۋاتقان غايىبنى بىلگۈچى گادقا مۇنداق دېدى: _ سەن بېرىپ داۋۇتقا ئېيتقىن «مەنكى پەرۋەردىگار، سېنىڭ ئالدىڭغا ئۈچ تۈرلۈك جازانى قويىمەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرنى تاللىۋال، تاللىغان شۇ جازايىڭنى مەن ساڭا چۈشۈرىمەن». شۇنىڭ بىلەن گاد، داۋۇتنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى يەتكۈزۈپ، مۇنداق دېدى: _ قېنى، ئۆزلىرى تاللىۋالسىلا. ئۈچ يىل ئاچارچىلىق بولسۇنمۇ؟ ياكى دۈشمەنلىرى قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىپ، ئۈچ ئاي دۈشمەنلىرى ئالدىدا قېچىپ يۈرەملا؟ ياكى بولمىسا پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچى بولغان ۋابا ئۈچ كۈن تارقىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى پۈتۈن ئىسرائىلىيەدە ۋەيرانچىلىق ئېلىپ بارسۇنمۇ؟ قېنى دېسىلە، مېنى ئەۋەتكۈچىگە قايسى جاۋابنى بېرىشىم كېرەك؟ داۋۇت گادقا مۇنداق دېدى: _ مەن ئېغىر ئەھۋالدا قالدىم. نېمىلا بولمىسۇن ئىنسانلارنىڭ قولىغا ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ قولىغا چۈشەي. چۈنكى ئۇ ناھايىتى مېھىر-شەپقەتلىكتۇر. شۇنداق قىلىپ، پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەگە ۋابا تارقاتتى. ئىسرائىللاردىن 70 مىڭ ئادەم ئۆلدى. خۇدا پەرىشتىسىنى يېرۇسالېمنى ۋەيران قىلىشقا ئەۋەتتى. لېكىن پەرىشتە ۋەيران قىلماقچى بولۇپ تۇرغاندا، پەرۋەردىگار ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئۇلارنى جازالاش نىيىتىدىن ياندى ۋە ۋەيران قىلغۇچى پەرىشتىگە: _ يېتەر ئەمدى، قولۇڭنى تارت! _ دېدى. ئۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يىبۇسلاردىن بولغان ئاراۋنانىڭ خامىنىدا تۇراتتى. داۋۇت يۇقىرىغا قارىغانىدى، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ يەر بىلەن ئاسماننىڭ ئارىلىقىدا قولىدىكى قىلىچىنى يېرۇسالېمغا تەڭلەپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. داۋۇت بىلەن ئىسرائىل ئاقساقاللىرى ماتەملىك كىيىمگە يۆگەنگەن ھالدا يەرگە باش قويدى. داۋۇت خۇداغا: _ لەشكەرلەرنىڭ سانىنى ئېلىپ چىقىشنى بۇيرۇغان مەن ئەمەسمۇ؟ گۇناھ قىلغان مەن، رەزىللىك قىلغان مەن، قويدەك بىگۇناھ بۇ خەلق نېمە گۇناھ قىلدى؟ ئى پەرۋەردىگارىم خۇدا، مېنى ۋە ئاتا جەمەتىمنى جازالىغايسەن! ۋابانى ئۆز خەلقىڭنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرمىگەيسەن! _ دېدى. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى گادقا: _ سەن داۋۇتنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: «سىز يىبۇسلاردىن بولغان ئاراۋنانىڭ خامىنىغا بېرىپ، ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى سېلىڭ» دېگىن، _ دەپ بۇيرۇدى. داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ گاد ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە دەل شۇ يەرگە باردى. ئاراۋنا ۋە ئۇنىڭ تۆت ئوغلى خامان ئايرىپ تۇراتتى، ئۇلار بۇرۇلۇپلا پەرىشتىنى كۆردى. ئاراۋنانىڭ ئوغۇللىرى يوشۇرۇنۇۋالدى. ئاراۋنا داۋۇتنىڭ ئۆزى تەرەپكە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، خامىنىدىن چىقىپ، يەرگە باش قويۇپ، داۋۇتقا تەزىم قىلدى. داۋۇت ئاراۋناغا: _ خەلق ئىچىگە تارقالغان ۋابانى يوقىتىش ئۈچۈن مۇشۇ خامىنىڭىزنى ماڭا ئۆز باھاسى بويىچە سېتىپ بېرىڭ. مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مۇشۇ يەرگە بىر قۇربانلىق سۇپىسى سالاي دەيمەن، _ دېدى. _ پادىشاھ ئالىيلىرى، ئېلىۋەرسىلە! نېمىنى خالىسىلىرى شۇنى قىلغايلا. مانا، مەن كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن ئۆكۈزلىرىمنى، ئوتۇن ئۈچۈن خامان تېپىدىغان ياغاچ تاختامنى ۋە ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن بۇغدايلىرىمنى بېرەي. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بېرىمەن، _ دېدى ئاراۋنا. _ ياق! مەن بۇلارنى ئۆز باھاسىدا سېتىۋالىمەن. پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلىش ئۈچۈن سېنىڭكىنى ئالمايمەن، بىكارغا كەلگەن نەرسىلەرنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلمايمەن، _ دېدى داۋۇت پادىشاھ ئاراۋناغا. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئاراۋنانىڭ خامىنى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئالتە يۈز ئالتۇن تەڭگە تۆلەپ بەردى. داۋۇت شۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى سېلىپ، كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇندى. ئۇ پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ ئىلتىجا قىلىۋىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلىپ، ئاسماندىن قۇربانلىق سۇپىسىغا ئوت چۈشۈردى. شۇنىڭ بىلەن پەرىشتە پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن قىلىچىنى غىلىپىغا سالدى. ئۇ چاغدا داۋۇت يىبۇسلاردىن بولغان ئاراۋنانىڭ خامىنىدا ئۆزىنىڭ دۇئالىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىجابەت قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، شۇ يەردە قۇربانلىق قىلدى. بۇ ۋاقىتتا مۇسا چۆلدە ياساتقان پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرى ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسى گىبئوندىكى سەجدىگاھتا ئىدى. لېكىن داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ قىلىچىدىن قورقۇپ، ئۇ سەجدىگاھقا بېرىپ، خۇدادىن يول سوراشقا جۈرئەت قىلالمىدى. شۇڭا داۋۇت: _ پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى ۋە ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىدىغان قۇربانلىق سۇپىسى مۇشۇ يەردە بولىدۇ، _ دەپ جاكارلىدى. داۋۇت ئىسرائىلىيەدە ياشاۋاتقان يات خەلقلەرنى بىر جايغا يىغىپ، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئىشلىتىدىغان تاشلارنى يۇنۇپ، تەييارلاشقا بۇيرۇدى. داۋۇت يەنە ئىبادەتخانىنىڭ ياغاچ دەرۋازىسىنى مىخلاشقا كېتىدىغان مىخ ۋە مۇجۇق ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان تۆمۈر يىغدى ۋە يەنە ھەددى-ھېسابسىز تۇچ تەييارلىدى. ئۇ يەنە نۇرغۇنلىغان كېدىر ياغىچى تەييارلىدى. بۇ كېدىر ياغاچلىرىنى سىدونلۇقلار ۋە تىرلىقلار توشۇپ ئەكەلگەنىدى. داۋۇت كۆڭلىدە: «پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سېلىنىدىغان بۇ ئىبادەتخانا چوقۇم ھەيۋەتلىك بولۇشى، ئۇنىڭ داڭقى ۋە شەرىپى پۈتۈن دۇنياغا تونۇلۇشى كېرەك. لېكىن ئوغلۇم سۇلايمان تېخى ياش ۋە تەجرىبىسىز، شۇڭا مەن بۇ ئىبادەتخانىغا كېتىدىغان ماتېرىياللارنى ئالدىن تەييارلاپ قويۇشۇم كېرەك» دەپ ئويلىدى. شۇڭا داۋۇت ئالەمدىن ئۆتۈشتىن بۇرۇن، بۇ ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ماتېرىياللارنى تەييارلىدى. كېيىن داۋۇت ئوغلى سۇلايماننى چاقىرىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇداغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سېلىشنى بۇيرۇدى. ئۇ سۇلايمانغا مۇنداق دېدى: _ ئوغلۇم، مەن ئەسلىدە پەرۋەردىگارىم خۇدانىڭ نام-شەرىپىگە ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سېلىشنى ئويلىغانىدىم. لېكىن پەرۋەردىگار ماڭا: «سەن نۇرغۇن ئۇرۇشلارنى قىلىپ، كۆپ ئادەملەرنى ئۆلتۈردۈڭ، مېنىڭ كۆز ئالدىمدا يەر يۈزىدە نۇرغۇن ئىنسانلارنىڭ قېنى تۆكۈلدى. شۇڭا مېنىڭ نام-شەرىپىم ئۈچۈن ئىبادەتخانىنى سەن سالساڭ بولمايدۇ. لېكىن سەن بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرىسەن، ئۇ تىنچ دەۋردە ياشايدۇ. مەن ئۇنى ئەتراپىدىكى ھەممە دۈشمەنلىرىنىڭ پاراكەندە قىلىشىدىن قوغدايمەن. ئۇنىڭ ئىسمى سۇلايمان [مەنىسى «تىنچلىق»] بولىدۇ. ئۇ ھۆكۈم سۈرگەن مەزگىلدە مەن ئىسرائىلىيەگە تىنچ-ئامانلىق ئاتا قىلىمەن. ئۇ مېنىڭ نام-شەرىپىم ئۈچۈن بىر ئىبادەتخانا سالىدۇ. ئۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ، مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن. مەن ئۇنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى پادىشاھلىق تەختىنى مەڭگۈ مۇستەھكەم قىلىمەن» دېدى. ئوغلۇم، پەرۋەردىگار ساڭا يار بولسۇن. سەن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ دېگىنى بويىچە ئۇنىڭغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سالغاندا، سېنى خۇدا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرسۇن. سېنىڭ ئىسرائىللارنى پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنى بويىچە باشقۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىڭ خۇدا ساڭا ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلسۇن. ئەگەر سەن پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن ئەمر-پەرمان ۋە تۈزۈملىرىنى تولۇق ئىجرا قىلساڭ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىسەن. سەن قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول. ھەرگىز قورقما ھەم چۈشكۈنلەشمە. قارا ئوغلۇم، مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئىبادەتخانا سېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەر بىلەن ئۈچ مىڭ بەش يۈز توننا ئالتۇن، 35 مىڭ توننا كۈمۈش، ھەددى-ھېسابسىز تۇچ ۋە تۆمۈر تەييارلىدىم. مەن يەنە ياغاچ ۋە تاش ماتېرىياللارنىمۇ تەييارلىدىم. لېكىن سەن تېخىمۇ كۆپەيتىشىڭ كېرەك. سېنىڭ نۇرغۇن ئىشچىلىرىڭ، يەنى تاشچى، تامچى ۋە ياغاچچى ماھىر ئۇستىلىرىڭ بار. يەنە ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ ۋە تۆمۈرلەرنى پىششىقلاپ ئىشلىيەلەيدىغان نۇرغۇنلىغان ماھىر ھۈنەرۋەنلىرىڭ بار. قېنى، ھازىرلا ئىشنى باشلىغىن. پەرۋەردىگار ساڭا يار بولسۇن. داۋۇت يەنە ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرىغا: «ئوغلۇم سۇلايمانغا ياردەم قىلىڭلار» دەپ ئەمر قىلىپ، مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەر بىلەن بىللىدۇر. سىلەرگە ھەر تەرەپتىن تىنچلىق ئاتا قىلىدۇ. ئۇ ئىلگىرى بۇ يەردە ياشىغان يات خەلقلەرنى مېنىڭ ئىلكىمگە تاپشۇرغانىدى. ئۇلار ئەمدى پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ۋە ئۇنىڭ خەلقى بولغان سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردا بولىدۇ. ھازىردىن باشلاپ سىلەر پۈتۈن جان-دىلىڭلار بىلەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭ نام-شەرىپىگە ئاتالغان ئىبادەتخانىنى ياساشنى باشلاڭلار. شۇنداق قىلغاندىلا ئەھدە ساندۇقى ۋە خۇداغا تەۋە مۇقەددەس نەرسىلەرنى ئۇنىڭ ئىچىگە قويالايسىلەر. داۋۇت قېرىپ، ساناقلىقلا كۈنلىرى قالغاندا، ئوغلى سۇلايماننى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. داۋۇت ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرى، روھانىيلىرى ۋە لاۋىيلارنى چاقىرتىپ كەلدى. ئۇ لاۋىيلارنىڭ ئوتتۇز ياشتىن يۇقىرىلىرىنى تىزىملىدى، ئۇلار جەمئىي 38 مىڭ نەپەر ئەر چىقتى. داۋۇت بۇلارنىڭ ئىچىدىن 24 مىڭ كىشىنى ئىبادەتخانىنىڭ خىزمىتىنى باشقۇرۇشقا قويدى. يەنە ئالتە مىڭ كىشىنى ئىبادەتخانىنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە سوتچىلىرى قىلىپ تەيىنلىدى. يەنە تۆت مىڭ كىشىنى دەرۋازىۋەنلىككە قويدى، قالغان تۆت مىڭ كىشىنى داۋۇت ئۆزى ياساتقۇزغان چالغۇلارنى چېلىپ، پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەش ئىشلىرىغا مەسئۇل قىلدى. داۋۇت لاۋىيلارنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە گېرشون، قوھات ۋە مىرارى دەپ ئۈچ توپقا بۆلدى. گېرشوننىڭ لادان ۋە شىمئى ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. لاداننىڭ چوڭ ئوغلى يىخىئېل ئىدى، ئۇنىڭدىن باشقا زېتام ۋە يوئېل ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولۇپ، جەمئىي ئۈچ ئوغلى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى لادان جەمەتىنىڭ باشلىقلىرى ئىدى. شىمئىنىڭ شىلوموت، خازىئېل ۋە ھاران دەپ ئۈچ ئوغلى بار ئىدى. شىمئى كېيىن يەنە ياخات، زىزا، يىئۇش ۋە بىرىئا ئىسىملىك تۆت ئوغۇل پەرزەنت كۆردى. ياخات ئوغۇللارنىڭ چوڭى، زىزا ئوغۇللارنىڭ ئىككىنچىسى ئىدى. يىئۇش بىلەن بىرىئانىڭ ئەۋلادى كۆپ بولمىغاچقا، ئۇلار قوشۇلۇپ بىر جەمەت قىلىپ ھېسابلاندى. قوھاتنىڭ تۆت ئوغلى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ئامرام، يىزھار، ھىبرون ۋە ئۇززىئېل ئىدى. ئامرامنىڭ ھارۇن ۋە مۇسا ئىسىملىك ئىككى ئوغلى بار ئىدى. ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە ئاتالغان بولۇپ، ئۇلار ئەڭ مۇقەددەس بۇيۇملارنى باشقۇرۇشقا مۇقىم ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇنىڭغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىشقا، پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا دۇئا قىلىشقا ۋە خەلققە مەڭگۈ بەخت تىلەشكە تەيىنلەنگەنىدى. خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى مۇسانىڭ ئەۋلادلىرى لاۋىي قەبىلىسىنىڭ بىر تارمىقى ھېسابلىناتتى. مۇسانىڭ گېرشون ۋە ئەلىئەزەر ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. گېرشوننىڭ چوڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى شىبۇئېل ئىدى. ئەلىئەزەرنىڭ بىرلا ئوغلى بولۇپ، ئىسمى رىخابيا ئىدى. لېكىن رىخابيانىڭ پەرزەنتلىرى كۆپ ئىدى. قوھاتنىڭ ئىككىنچى ئوغلى يىزھارمۇ ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەنىدى. ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى شىلومىت ئىدى. قوھاتنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى ھىبرون تۆت ئوغۇل كۆرگەن بولۇپ، تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى يىرىيا، ئىككىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى ئاماريا، ئۈچىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى ياخازىئېل، تۆتىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى يىقامئام ئىدى. قوھاتنىڭ كەنجى ئوغلى ئۇززىئېلنىڭ ئىككى ئوغلى بولۇپ، چوڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى مىكاھ، كىچىك ئوغلىنىڭ ئىسمى يىششىيا ئىدى. مىرارىنىڭ ماخلى ۋە مۇشى دېگەن ئوغۇللىرى بار ئىدى. ماخلىنىڭ ئەلئازار، كىش دېگەن ئوغۇللىرى بار ئىدى. ئەلئازار ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر ئوغۇل پەرزەنت كۆرمىدى، ئۇنىڭ پەقەت قىزلىرىلا بار ئىدى. ئۇنىڭ قىزلىرى ئۆز جەمەتىدىن بولغان كىشنىڭ ئوغۇللىرىغا ياتلىق بولدى. مۇشىنىڭ ماخلى، ئەدەر، يىرېموت دەپ ئۈچ ئوغلى بار ئىدى. مانا بۇلار لاۋىيلارنىڭ ئۇرۇق-جەمەتلىرىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا جەمەت باشلىقلىرىنىڭ نامى بويىچە تىزىمغا ئېلىنغان ئەۋلادلىرى بولۇپ، ئومۇمەن 20 ياشتىن يۇقىرى لاۋىيلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ خىزمىتىگە قويۇلغانىدى. داۋۇت مۇنداق دېگەنىدى: «پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ئۆز خەلقىگە تىنچلىق ئاتا قىلدى. ئەمدى ئۇ مەڭگۈ يېرۇسالېمدا ياشايدۇ. شۇنداق ئىكەن، بۇنىڭدىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئىبادەت قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇملارنى لاۋىيلارنىڭ كۆتۈرۈپ يۈرۈشى ھاجەت ئەمەس.» داۋۇتنىڭ جان ئۈزۈش ئالدىدا قىلغان ئەمرلىرىگە ئاساسەن، يىگىرمە ياشتىن يۇقىرى لاۋىيلارنىڭ ھەممىسى تىزىمغا ئېلىنغانىدى. لاۋىيلارنىڭ ۋەزىپىلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا ياردەملىشىپ، ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرى ۋە يان خانىلىرىنى باشقۇرۇش، بارلىق مۇقەددەس بۇيۇملارنى پاكىزلاش ۋە شۇنىڭغا دائىر باشقا ئىشلارنىمۇ قىلىش ئىدى. ئۇلار يەنە پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نانلارنى، پېتىر نانلارنى ۋە چەلپەكلەرنى پىشۇرۇشقا ۋە ھەدىيە قىلىنىدىغان سۈپەتلىك ئۇنلارنى تەييارلاشقا ھەمدە بۇ نەرسىلەرنىڭ مىقدارى ۋە سانىنى بەلگىلەشكە مەسئۇل ئىدى. ئۇلار ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە ئىبادەتخانىدا پەرۋەردىگارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشى ۋە ئۇنى مەدھىيەلەپ، ھەمدۇسانا ئوقۇشى كېرەك ئىدى. دېمەك ھەر دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، يېڭى ئاي بايرىمىدا ياكى باشقا بەلگىلەنگەن بايرام كۈنلىرىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار قىلىنغاندا، ئۇلار پەرۋەردىگارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئۇنى مەدھىيەلەپ، ھەمدۇسانالار ئوقۇشى كېرەك ئىدى. پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا دائىم خىزمەت قىلىدىغان لاۋىيلارنىڭ سانى ئىبادەتخانىنىڭ تەلىپىگە مۇۋاپىق بولۇشى شەرت ئىدى. لاۋىيلار پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرى ۋە ئىبادەتخانىغا قاراشقا مەسئۇل بولۇپ، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان، ئۆزلىرىنىڭ قېرىنداشلىرى بولغان ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا ياردەم بېرىشى كېرەك ئىدى. ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى بىرنەچچە توپقا بۆلۈنگەنىدى. ھارۇننىڭ ناداب، ئابىھۇ، ئەلئازار ۋە ئىتامار ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. لېكىن ناداب ۋە ئابىھۇ ئاتىسىدىن بۇرۇن تۈگەپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار ئوغۇل پەرزەنت كۆرمىگەنىدى. شۇڭا ئەلئازار بىلەن ئىتامار روھانىي بولدى. پادىشاھ داۋۇت ئەلئازارنىڭ ئەۋلادى زادوق ۋە ئىتامارنىڭ ئەۋلادى ئاخىمەلەكنىڭ ياردىمى بىلەن ھارۇن ئەۋلادىنى ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرىگە ئاساسەن بىرقانچە توپقا ئايرىدى. ئەلئازارنىڭ ئەۋلادى ئىچىدە جەمەت باشلىقلىرى ئىتامارنىڭ ئەۋلادىغا قارىغاندا كۆپرەك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەلئازارنىڭ ئەۋلادى ئون ئالتە توپقا، ئىتامارنىڭ ئەۋلادى سەككىز توپقا ئايرىلدى. خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا خىزمەت قىلىدىغان ئەمەلدارلارنىڭ بىر قىسمى ئەلئازار ئەۋلادىدىن، يەنە بىر قىسمى ئىتامار ئەۋلادىدىن بولغاچقا، چەك تارتىش ئۇسۇلى بىلەن خىزمەتلەر ئادىل ھالدا بۆلۈپ بېرىلدى. لاۋىيلاردىن بولغان نىتانئېلنىڭ ئوغلى شىمايا پۈتۈكچى بولۇپ، چەك نەتىجىسىنى تىزىملاپ ماڭدى. پادىشاھ، ئەمەلدارلار، روھانىي زادوق، ئەبىياتارنىڭ ئوغلى ئاخىمەلەك، روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى چەك تارتىشقا گۇۋاھ بولدى. ئەلئازار بىلەن ئىتامارنىڭ ئەۋلادلىرى نۆۋەت بىلەن چەك تارتتى. بىرىنچى چەك يىھويارىبقا، ئىككىنچى چەك يىداياغا، ئۈچىنچى چەك خارىمغا، تۆتىنچى چەك سىئورىمغا، بەشىنچى چەك مالكىياغا، ئالتىنچى چەك مىيامىنغا، يەتتىنچى چەك خاققوزغا، سەككىزىنچى چەك ئابىياغا، توققۇزىنچى چەك يېشۇۋاغا، ئونىنچى چەك شىكانياغا، ئون بىرىنچى چەك ئەلياشىبقا، ئون ئىككىنچى چەك ياقىمغا، ئون ئۈچىنچى چەك خۇپپاھقا، ئون تۆتىنچى چەك يەشەبئابقا، ئون بەشىنچى چەك بىلگاھقا، ئون ئالتىنچى چەك ئىممېرغا، ئون يەتتىنچى چەك خېزىرغا، ئون سەككىزىنچى چەك ھاپپىززېزغا، ئون توققۇزىنچى چەك پىتاخياغا، يىگىرمىنچى چەك يىھەزكەلگە، يىگىرمە بىرىنچى چەك ياكىنغا، يىگىرمە ئىككىنچى چەك گامۇلغا، يىگىرمە ئۈچىنچى چەك دىلاياغا، يىگىرمە تۆتىنچى چەك مائازياغا چىقتى. بۇ ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادى بولغان ھارۇننىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىشتى. بۇ كۆرسەتمىلەرنى پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ھارۇنغا چۈشۈرگەنىدى. لاۋىيلاردىن بولغان باشقا جەمەت باشلىقلىرىنىڭ ئىسىملىرى مۇنداق ئىدى: ئامرام ئەۋلادىدىن شۇبائېل، شۇبائېل ئەۋلادىدىن يەخدىيا، رىخابيا ئەۋلادىدىن تۇنجى ئوغلى يىششىيا، يىزھار ئەۋلادىدىن شىلوموت، شىلوموت ئەۋلادىدىن ياخات، ھىبروننىڭ چوڭ ئوغلى يىرىيا، ئىككىنچى ئوغلى ئاماريا، ئۈچىنچى ئوغلى ياخازىئېل، تۆتىنچى ئوغلى يىقامئام، ئۇززىئېل ئەۋلادىدىن مىكاھ، مىكاھ ئەۋلادىدىن شامىر ۋە مىكاھنىڭ ئىنىسى يىششىيا، يىششىيا ئەۋلادىدىن زىكىرىيا، مىرارىنىڭ ئەۋلادىدىن ماخلى ۋە مۇشى، يائازىيا ئەۋلادىدىن بىنو، مىرارىنىڭ يائازىيا ئەۋلادىدىن بىنو، شوھام، زاككۇر ۋە ئىبرى، ماخلىنىڭ ئەۋلادىدىن ئەلئازار، ئەلئازارنىڭ ئوغۇللىرى يوق ئىدى. كىشنىڭ ئەۋلادىدىن يىراخمىئېل، مۇشى ئەۋلادىدىن ماخلى، ئەدەر ۋە يىرىموت. مانا بۇلار لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئىدى. بۇلارمۇ خۇددى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا ئوخشاش چەك تارتىش ئۇسۇلى بىلەن يېشىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قارىماي، ئۆز ۋەزىپىلىرىنى تەقسىم قىلىشىۋالدى. بۇنىڭغا داۋۇت پادىشاھ، زادوق، ئاخىمەلەك، روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى گۇۋاھ بولدى. داۋۇت پادىشاھ باش سەركەردىلىرى بىلەن بىرگە لاۋىيلاردىن بولغان ئاساف، ھېمان ۋە يىدۇتۇننىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ بەزىلىرىنى لىرا، چىلتار ۋە جاڭلارنى چېلىپ، خۇدانىڭ سۆزلىرىنى جاكارلاشقا تەيىنلىدى. بۇ نەغمىچىلەرنىڭ تىزىملىكى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى تۆۋەندىكىدەك ئىدى: ئاسافنىڭ زاككۇر، يۈسۈپ، نىتانيا ۋە ئاسارئېلا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى. ئۇلار پادىشاھنىڭ ئەمرى بويىچە خۇدانىڭ سۆزلىرىنى جاكارلايدىغان ئاتىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىدى. يىدۇتۇننىڭ گىداليا، زىرى، يەشايا، شىمئى، خاشابيا ۋە ماتتىتيا ئىسىملىك ئالتە ئوغلى بولۇپ، ئۇلار ئاتىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە لىرا چېلىپ، پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەپ، ھەمدۇسانالار ئوقۇيتتى ۋە خۇدانىڭ سۆزلىرىنى جاكارلايتتى. بۇ ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئاتىلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا خىزمەت قىلىپ، ھەمدۇسانا ئوقۇش ۋە جاڭ، چىلتار، لىرا چېلىش بىلەن شۇغۇللىنىشتى. ئاساف، يىدۇتۇن ۋە ھېمان بىۋاسىتە پادىشاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇناتتى. ئۇلارغا قېرىنداشلىرىنى قوشقاندا، جەمئىي 288 كىشى بولۇپ، ئۇلار يۇقىرى ماھارەتكە ئىگە، كەسپىي نەغمىچىلەر ئىدى. بۇ نەغمىچىلەر ياش-قېرى، ئۇستاز-شاگىرت دەپ ئايرىماي، چەك تارتىش ئارقىلىق ۋەزىپىلىرىنى بەلگىلىدى. بىرىنچى چەك ئاساف جەمەتىدىن بولغان يۈسۈپ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى. ئىككىنچى چەك گىداليا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى. ئۈچىنچى چەك زاككۇر ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى. تۆتىنچى چەك يىزرى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى. بەشىنچى چەك نىتانيا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى. ئالتىنچى چەك بۇققىيا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى. يەتتىنچى چەك يىسارئېلا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى. سەككىزىنچى چەك يىشايا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى. توققۇزىنچى چەك ماتتانيا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى. ئونىنچى چەك شىمئى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى. ئون بىرىنچى چەك ئازارئېل ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى. ئون ئىككىنچى چەك خاشابيا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى. ئون ئۈچىنچى چەك شۇبائېل ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى. ئون تۆتىنچى چەك ماتتىتيا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى. ئون بەشىنچى چەك يىرېموت ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى. ئون ئالتىنچى چەك خانانيا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى. ئون يەتتىنچى چەك يوشبىقاشا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى. ئون سەككىزىنچى چەك خانانى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى. ئون توققۇزىنچى چەك ماللوتى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى. يىگىرمىنچى چەك ئەلىياتا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى. يىگىرمە بىرىنچى چەك ھوتىر ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى. يىگىرمە ئىككىنچى چەك گىددالتى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى. يىگىرمە ئۈچىنچى چەك ماخازىئوت ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى. يىگىرمە تۆتىنچى چەك رومامتى-ئەزەر ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەمدە تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشىگە چىقتى. دەرۋازىۋەنلىككە تۆۋەندىكى لاۋىيلار بەلگىلەنگەنىدى: كوراھ ئەۋلادىدىن بولغان ئاساف جەمەتىدىن قورېنىڭ ئوغلى مىشەلەميا. مىشەلەميانىڭ يەتتە ئوغلى بولۇپ، چوڭ ئوغلى زىكىرىيا، ئىككىنچىسى يىدىئائېل، ئۈچىنچى ئوغلى زىباديا، تۆتىنچى ئوغلى ياتنىئېل، بەشىنچى ئوغلى ئېلام، ئالتىنچى ئوغلى يىھوخانان، يەتتىنچى ئوغلى ئەليىھوئېناي ئىدى. ئوبېد-ئىدومنىڭ ئوغلى شىمايانىڭمۇ ئوغۇللىرى بار ئىدى. ئۇلار قابىلىيەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەرقايسىسى ئۆز ئاتا جەمەتىنىڭ جەمەت باشلىقلىرى بولغانىدى. ئۇلار تۆت ئوغۇل بولۇپ، ئىسىملىرى ئوتنى، رىفائېل، ئوبېد ۋە ئەلزاباد ئىدى. ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى ئەلىھۇ بىلەن سىماكيامۇ قابىلىيەتلىك كىشىلەر ئىدى. ئوبېد-ئىدومنىڭ بۇ ئەۋلادلىرى جەمئىي ئاتمىش ئىككى كىشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن قابىلىيەتلىك ۋە ئۆز خىزمەتلىرىگە كۈچ چىقىرالايدىغان ئادەملەر ئىدى. مىشەلەميانىڭ ئوغۇللىرى ۋە تۇغقانلىرى جەمىي ئون سەككىز كىشى بولۇپ، ئۇلارمۇ قابىلىيەتلىك ئادەملەر ئىدى. مىرارىنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان خوساھنىڭ تۆت ئوغلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى شىمرى دېگەن ئوغلى گەرچە تۇنجى ئوغۇل بولمىسىمۇ، ئاتىسى ئۇنى جەمەت باشلىقى قىلغانىدى. خوساھنىڭ ئىككىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى خىلقىيا، ئۈچىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى تىباليا، تۆتىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى زىكىرىيا ئىدى. خوساھ جەمەتىدىن ئون ئۈچ ئادەم بار ئىدى. دەرۋازىۋەنلەر جەمەتلەر بويىچە ئايرىم-ئايرىم توپلارغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەرقايسى توپتىكىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان باشقا لاۋىيلارغا ئوخشاش ئۆز خىزمەتلىرىنى ئادا قىلاتتى. ھەربىر جەمەت مەيلى چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن، چەك تاشلاش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قايسى دەرۋازىغا مەسئۇل بولىدىغانلىقىمۇ ئېنىق قىلىپ بەلگىلەنگەنىدى. شەرقىي دەرۋازىنى قوغداشنىڭ چېكى شەلەمياغا چىقتى. كېيىن ئوغلى زىكىرىياغا چەك تاشلاندى، زىكىرىيا دانا مەسلىھەتچى ئىدى، ئۇنىڭغا شىمالىي دەرۋازا چىقتى. ئوبېد-ئىدومغا چەك تاشلانغاندا، ئۇنىڭغا جەنۇبىي دەرۋازا چىقتى. ئوغۇللىرىغا بولسا ئامبارغا مەسئۇل بولۇش چېكى چىقتى. شۇپپىم بىلەن خوساھقا غەربىي دەرۋازا ۋە يۇقىرىغا ئۆرلەيدىغان يولدىكى شاللەكەت دەرۋازىسىنىڭ چېكى چىقتى. دەرۋازىۋەنلەر بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا نۆۋەت بىلەن ئالمىشىپ كۆزەتچىلىك قىلىشى كېرەك ئىدى. ھەر كۈنى شەرقىي دەرۋازىدا ئالتە دەرۋازىۋەن، شىمالىي دەرۋازىدا تۆت دەرۋازىۋەن، جەنۇبىي دەرۋازىدا تۆت دەرۋازىۋەن نۆۋەت بىلەن كۆزەتچىلىك قىلاتتى. ئامبارغا ئىككىدىن ئادەم نۆۋەت بىلەن قارايتتى. غەربىي ھويلىنىڭ يېنىدىكى يولدا تۆت ئادەم، ھويلىدا بولسا ئىككى ئادەم نۆۋەت بىلەن كۆزەتچىلىك قىلاتتى. كوراھ ۋە مىرارىنىڭ ئەۋلادلىرىغا مانا مۇشۇنداق كۆزەتچىلىك ۋەزىپىسى تەقسىم قىلىپ بېرىلگەنىدى. ئاخىيا باشچىلىقىدىكى باشقا لاۋىيلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى خەزىنىلەرنى ۋە خۇداغا تەقدىم قىلىنغان بۇيۇملار ساقلىنىدىغان ئامبارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئىدى. گېرشون ئەۋلادى بولغان لاداننىڭ ئەۋلادىدىن كۆپلىگەن جەمەت باشلىقلىرى چىققانىدى. لاداننىڭ ئوغلى يىخىئېلى، يىخىئېلىنىڭ ئوغۇللىرى زېتام بىلەن ئىنىسى يوئېل پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى خەزىنىلەرگە مەسئۇل ئىدى. ئامرام، يىزھار، ھىبرون ۋە ئۇززىئېلنىڭ ئەۋلادلىرىغىمۇ ۋەزىپىلەر تەقسىم قىلىپ بېرىلگەنىدى: مۇسانىڭ ئوغلى گېرشون ئەۋلادىدىن بولغان شىبۇئېل ئىبادەتخانىنىڭ باش خەزىنىچىسى ئىدى. تۆۋەندىكىلەر شىبۇئېلنىڭ تۇغقانلىرى بولۇپ، ئۇلار ئەلىئەزەرنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. ئەلىئەزەرنىڭ ئوغلى رىخابيا، رىخابيانىڭ ئوغلى يەشايا، يىشايانىڭ ئوغلى يورام، يورامنىڭ ئوغلى زىكرى ۋە زىكرىنىڭ ئوغلى شىلوموت. شىلوموت ۋە ئۇنىڭ جەمەتى خەزىنىدىكى پەرۋەردىگارغا تەقدىم قىلغان بۇيۇملارنى باشقۇراتتى. بۇ خەزىنىدە پادىشاھ داۋۇت، ھەرقايسى جەمەت باشلىقلىرى، مىڭبېشى، يۈزبېشى ۋە باشقا سەركەردىلەر پەرۋەردىگارغا تەقدىم قىلغان بۇيۇملار ساقلانغانىدى. ئۇلار جەڭلەردە قولغا چۈشۈرگەن ئولجىلارنىڭ بىر قىسمىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تەقدىم قىلاتتى. ئىبادەتخانىدىكى بارلىق سوۋغاتلارنى، يەنى غايىبنى بىلگۈچى سامۇئىل، كىشنىڭ ئوغلى پادىشاھ سائۇل، نېرنىڭ ئوغلى ئابنېر ۋە مەزلۇم زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئابلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ تەقدىم قىلغان سوۋغاتلارنىمۇ شىلومىت ۋە ئۇنىڭ جەمەتى باشقۇراتتى. يىزھارنىڭ ئەۋلادى كىنانيا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئىسرائىلىيەنىڭ مەمۇرىي ۋە دەۋا ئىشلىرىغا تەيىنلىنىپ، ئىبادەتخانىنىڭ سىرتىدىكى ئىشلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل قىلىندى. ھىبرون ئەۋلادىدىن بولغان خاشابيا ۋە ئۇنىڭ بىر مىڭ يەتتە يۈز نەپەر تۇغقىنى مەمۇرىي ئىشلارغا تەيىنلەندى، ئۇلار قابىلىيەتلىك ئادەملەر ئىدى. ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە مەسئۇل بولۇپ، پەرۋەردىگار ۋە پادىشاھنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى. نەسەبنامىدا خاتىرىلىنىشىچە ھىبرون ئەۋلادىدىن بولغان يىرىيا ھىبرون جەمەتىنىڭ باشلىقى ئىدى. داۋۇت پادىشاھ ھاكىمىيىتىنىڭ 40-يىلىدا نەسەبنامىلارغا دائىر بارلىق يازما ماتېرىياللار كۆرۈپ چىقىلغان بولۇپ، بۇ ماتېرىياللاردا گىلئادتىكى يازېر شەھىرىدە ھىبرون ئەۋلادى ئىچىدە قابىلىيەتلىك ئادەملەرنىڭ بارلىقى خاتىرىلەنگەنىدى. پادىشاھ داۋۇت يىرىيانىڭ تۇغقانلىرىدىن ئىككى مىڭ يەتتە يۈز نەپەر قابىلىيەتلىك جەمەت باشلىقلىرىنى مەمۇرىي ئىشلارغا مەسئۇل قىلىپ تەيىنلىدى. ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى رۇبېن، گاد قەبىلىلىرىگە ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ يېرىمىغا مەسئۇل بولۇپ، خۇدا ۋە پادىشاھنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى. تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى جەمەت باشلىقلىرى، مىڭبېشى ۋە يۈزبېشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەركەردىلەرنىڭ تىزىملىكى بولۇپ، بۇلار پادىشاھنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى. ئۇلار ھەر يىلى بىر ئايدىن نۆۋەتلىشىپ ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قىسىملارنى باشقۇراتتى. ھەربىر قىسىم 24 مىڭ ئادەمدىن تەشكىل تاپقانىدى. بىرىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قىسىمنىڭ سەركەردىسى زابدىئېلنىڭ ئوغلى ياشابئام ئىدى. ئۇنىڭ قىسىمى 24 مىڭ ئادەمدىن تەشكىل تاپقانىدى. ياشابئام پەرەس ئەۋلادىدىن بولۇپ، ئۇ شۇ ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قىسىمنىڭ بارلىق سەركەردىلىرىنى باشقۇراتتى. ئىككىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قىسىمنىڭ سەركەردىسى ئاخوۋاخ ئەۋلادىدىن بولغان دوداي بولۇپ، ئۇنىڭ ئوڭ قول ياردەمچىسى مىقلوت ئىدى. ئۇنىڭ قىسىمى 24 مىڭ ئادەمدىن تەشكىل تاپقانىدى. ئۈچىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قىسىمنىڭ سەركەردىسى بىنايا ئىدى. ئۇ روھانىي يىھويادانىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇنىڭ قىسىمى 24 مىڭ ئادەمدىن تەشكىل تاپقانىدى. بىنايا «ئوتتۇز باھادىر» ئىچىدىكى باتۇر جەڭچى ئىدى. ئۇ يەنە «ئوتتۇز باھادىر»نىڭ سەركەردىسى ئىدى. بىنايانىڭ ئوغلى ئاممىزابادمۇ قىسىمنىڭ باش سەركەردىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. تۆتىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قىسىمنىڭ سەركەردىسى يوئابنىڭ ئىنىسى ئاسائېل ئىدى. ئاسائېلدىن كېيىن ئوغلى زىباديا ئاتىسىنىڭ ئورنىغا چىقتى. ئۇنىڭ قىسىمى 24 مىڭ ئادەمدىن تەشكىل تاپقانىدى. بەشىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قىسىمنىڭ سەركەردىسى شامھۇت بولۇپ، ئۇ يىزراخ ئەۋلادىدىن ئىدى. ئۇنىڭ قىسىمى 24 مىڭ ئادەمدىن تەشكىل تاپقانىدى. ئالتىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قىسىمنىڭ سەركەردىسى تىقوۋالىق ئىققېشنىڭ ئوغلى ئىرا ئىدى. ئۇنىڭ قىسىمى 24 مىڭ ئادەمدىن تەشكىل تاپقانىدى. يەتتىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قىسىمنىڭ سەركەردىسى پىلونلۇق خەلەز بولۇپ، ئۇ ئەفرايىم قەبىلىسىدىن ئىدى. ئۇنىڭ قىسىمى 24 مىڭ ئادەمدىن تەشكىل تاپقانىدى. سەككىزىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قىسىمنىڭ سەركەردىسى خۇشاھلىق سىببىكاي بولۇپ، سىببىكاي زەراخ ئەۋلادىدىن ئىدى. ئۇنىڭ قىسىمى 24 مىڭ ئادەمدىن تەشكىل تاپقانىدى. توققۇزىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قىسىمنىڭ سەركەردىسى ئاناتوتلۇق ئابىئەزەر بولۇپ، ئۇ بىنيامىن قەبىلىسىدىن ئىدى. ئۇنىڭ قىسىمى 24 مىڭ ئادەمدىن تەشكىل تاپقانىدى. ئونىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قىسىمنىڭ سەركەردىسى نىتوفالىق ماھراي بولۇپ، ئۇ زەراخ ئەۋلادىدىن ئىدى. ئۇنىڭ قىسىمى 24 مىڭ ئادەمدىن تەشكىل تاپقانىدى. ئون بىرىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قىسىمنىڭ سەركەردىسى پىرئاتونلۇق بىنايا بولۇپ، ئۇ ئەفرايىم قەبىلىسىدىن ئىدى. ئۇنىڭ قىسىمى 24 مىڭ ئادەمدىن تەشكىل تاپقانىدى. ئون ئىككىنچى ئايدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان قىسىمنىڭ سەركەردىسى نىتوفالىق خەلداي بولۇپ، ئۇ ئوتنىئېل ئەۋلادىدىن ئىدى. ئۇنىڭ قىسىمى 24 مىڭ ئادەمدىن تەشكىل تاپقانىدى. تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىلىيەدىكى قەبىلىلەر باشلىقلىرىنىڭ تىزىملىكىدۇر. رۇبېن قەبىلىسىنىڭ باشلىقى _ زىكرىنىڭ ئوغلى ئەلىئەزەر، شىمون قەبىلىسىنىڭ باشلىقى _ مائاكانىڭ ئوغلى شىفاتيا، لاۋىي قەبىلىسىنىڭ باشلىقى _ كىمۇئېلنىڭ ئوغلى خاشابيا، ھارۇن جەمەتىنىڭ باشلىقى _ زادوق، يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ باشلىقى _ داۋۇتنىڭ ئاكىسى ئەلىھۇ، ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ باشلىقى _ مىكائىلنىڭ ئوغلى ئومرى. زەبۇلۇن قەبىلىسىنىڭ باشلىقى _ ئوبادىيانىڭ ئوغلى يىشمايا، نافتالى قەبىلىسىنىڭ باشلىقى _ ئازرىئېلنىڭ ئوغلى يىرىموت، ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ باشلىقى _ ئازازيانىڭ ئوغلى ھوشىيا، ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىنىڭ باشلىقى _ پىدايانىڭ ئوغلى يوئېل، گىلئادتىكى ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىنىڭ باشلىقى _ زىكىرىيانىڭ ئوغلى ئىددو، بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ باشلىقى _ ئابنېرنىڭ ئوغلى يائاسىئېل، دان قەبىلىسىنىڭ باشلىقى _ يىروخامنىڭ ئوغلى ئازارئېل، ئىسرائىلىيەدىكى ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ باشلىقلىرى ئەنە شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى. داۋۇت ئىسرائىل خەلقىنى تىزىمغا ئالغاندا، يىگىرمە ياشتىن تۆۋەنلەرنى تىزىملىمىغانىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار: «مەن ئىسرائىللارنىڭ سانىنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ قىلىمەن» دەپ ۋەدە قىلغانىدى. مەزلۇم زىرۇيانىڭ ئوغلى يوئاب خەلقنى تىزىملاشنى باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن تولۇق تىزىملاپ بولالمىغانىدى. چۈنكى ئۇ خەلقنى تىزىمغا ئالغاندا، پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا غەزەپلەنگەنىدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ سانى پادىشاھ داۋۇتنىڭ تەزكىرىسىگە كىرگۈزۈلمىگەنىدى. ئادىئېلنىڭ ئوغلى ئازماۋەت ئوردىنىڭ ئامبارلىرىغا مەسئۇل ئىدى. ئۇززىيانىڭ ئوغلى يوناتان ئىسرائىلىيەنىڭ شەھەرلىرى ۋە شەھەر ئەتراپىدىكى رايون، يېزا-قىشلاق ۋە قورغانلىرىغا قاراشلىق ئامبارلارغا مەسئۇل ئىدى. كىلۇبنىڭ ئوغلى ئەزرى دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىدى. راماھلىق شىمئى ئۈزۈمزارلىقلارغا مەسئۇل ئىدى. شىفاملىق زابدى ئۈزۈمزارلىقتىكى شاراب ساقلىنىدىغان ئامبارلارغا مەسئۇل ئىدى. گەدەرلىك بائال-خانان غەربىي ئېدىرلىقتىكى زەيتۇنلۇقلارغا ۋە ياۋا ئەنجۈرلۈكلەرگە مەسئۇل ئىدى. يوئاش زەيتۇن ياغلىرىنى ساقلايدىغان ئامبارلارغا مەسئۇل ئىدى. شارونلۇق شىتراي شارون تۈزلەڭلىكىدىكى كالا پادىلىرىغا، ئادلاينىڭ ئوغلى شافات جىلغىلاردىكى كالا پادىلىرىغا مەسئۇل ئىدى. ئىسمائىل ئەۋلادىدىن بولغان ئوبىل تۆگىلەرگە، مېرونوتلۇق يەخدىيا ئېشەكلەرگە مەسئۇل ئىدى. ھاگرى ئەۋلادىدىن بولغان يازىز قوي ۋە ئۆچكە پادىلىرىغا مەسئۇل ئىدى. يۇقىرىدىكى ئىسمى تىلغا ئېلىنغان مانا بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى داۋۇت پادىشاھنىڭ مال-مۈلكىنى باشقۇراتتى. داۋۇتنىڭ تاغىسى يوناتان دانىشمەن ئادەم بولۇپ، ئۇ مەسلىھەتچى ۋە پۈتۈكچى ئىدى. خاكمونىنىڭ ئوغلى يىخىئېل پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ تەلىم-تەربىيەسىگە مەسئۇل ئىدى. ئاخىتوفەل پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىسى ئىدى. ئاركى جەمەتىدىن بولغان خۇشاي پادىشاھنىڭ دوستى ئىدى. ئاخىتوفەلدىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا بىنايانىڭ ئوغلى يىھويادا ۋە ئەبىياتار مەسلىھەتچىلەر بولدى. يوئاب پۈتۈن قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى ئىدى. داۋۇت پادىشاھ ئىسرائىلىيەدىكى بارلىق ئەمەلدارلارنى يەنى ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ باشلىقلىرىنى، پادىشاھقا خىزمەت قىلىۋاتقان ھەرقايسى ھەربىي قىسىملارنىڭ سەركەردىلىرىنى، مىڭبېشى، يۈزباشلىرىنى، پادىشاھ ۋە شاھزادىلەرنىڭ مال-مۈلۈك، چارۋىلىرىنى باشقۇرغۇچىلارنى، ئوردا خىزمەتكارلىرىنى، باھادىرلارنى ۋە باشقا بارلىق باتۇر جەڭچىلەرنى يېرۇسالېمغا چاقىرتتى. داۋۇت پادىشاھ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ قېرىنداشلىرىم، خەلقىم، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار! مەن ئەسلى پەرۋەردىگارنىڭ پۇت قويغۇچى بولغان ئەھدە ساندۇقىنى ساقلايدىغان بىر ئىبادەتخانا سالماقچى ئىدىم. مەن بۇنىڭ ئۈچۈن قۇرۇلۇش تەييارلىقلىرىنى پۈتتۈرۈپ قويغانىدىم. لېكىن خۇدا: «مېنىڭ نام-شەرىپىم ئۈچۈن ئىبادەتخانىنى سەن سالساڭ بولمايدۇ، چۈنكى سەن ئىلگىرى كۆپ جەڭلەرنى قىلىپ، نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ قېنىنى تۆكتۈڭ» دېدى. ھالبۇكى، پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا پۈتۈن جەمەتىمىز ئىچىدىن مېنى تاللاپ، ئىسرائىل خەلقىنىڭ مەڭگۈلۈك پادىشاھى قىلىپ تىكلىدى. چۈنكى ئۇ، بۇ تاللاشتا يەھۇدا قەبىلىسىنى ئاساس قىلدى، يەھۇدا قەبىلىسى ئىچىدىن ئاتامنىڭ جەمەتىنى مۇۋاپىق كۆردى. ئاتامنىڭ ئوغۇللىرى ئىچىدىن ئۇ مېنى ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى قىلىپ تىكلەشنى خالىدى. پەرۋەردىگار ماڭا كۆپ ئوغۇل بەردى ھەمدە بۇ ئوغۇللىرىمنىڭ ئارىسىدىن سۇلايماننى ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىققا تاللاپ، پەرۋەردىگارنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزدى. پەرۋەردىگار ماڭا: «مېنىڭ ئىبادەتخانامنى ۋە ھويلىلىرىمنى ئوغلۇڭ سۇلايمان سالىدۇ. مەن سۇلايماننى ئۆزۈمگە ئوغۇل قىلىپ تاللىدىم، مەن ئۇنىڭ ئاتىسىدۇرمەن. ئەگەر ئۇ بۈگۈنكىدەك مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىمنى ھەر دائىم قەتئىي ئىجرا قىلسا، مەن ئۇنىڭ تەختىنى مەڭگۈ مۇستەھكەم قىلىمەن.» دېدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر مەن پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتى بولغان پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئالدىدا، شۇنداقلا خۇدايىمىزنىڭ گۇۋاھلىقىدا سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ بارلىق ئەمرلىرىنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي ئىجرا قىلىشىڭلار كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، مانا بۇ گۈزەل زېمىنغا ئىگە بولالايسىلەر، شۇنداقلا ئۇنى ئەۋلادلىرىڭلارغىمۇ مەڭگۈ مىراس قىلىپ قالدۇرالايسىلەر. ئوغلۇم سۇلايمان، ئاتاڭ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانى تونۇغىن، پۈتۈن جان-دىلىڭ ۋە ئىختىيارلىقىڭ بىلەن ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولغىن. چۈنكى ئۇ ھەربىر ئىنساننىڭ كۆڭلىدىكىنى، ئۇنىڭ نىيىتىنى بىلىدۇ. ئەگەر سەن ئۇنى ئىزدىسەڭ، ئۇنى چوقۇم تاپالايسەن، ئەگەر سەن ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈسەڭ، ئۇمۇ سېنى مەڭگۈ تاشلاپ كېتىدۇ. گېپىمگە قۇلاق سال، پەرۋەردىگار مۇقەددەس جاي بولغان ئىبادەتخانىنى سېلىشقا سېنى تاللىغان ئىكەن، دادىل بول، بۇ ئىشقا بەل باغلا! داۋۇت ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلمىسىنى، يەنى ئىبادەتخانىنىڭ ئايۋىنى، ئامبارلىرى، يۇقىرى ۋە ئىچكىرى خانىلىرىنىڭ ھەمدە ئەڭ مۇقەددەس جاي _ گۇناھتىن پاكلىنىش جايىنىڭ لايىھەسىنى ئوغلى سۇلايمانغا بەردى. داۋۇت ئۇنىڭغا يەنە ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرى، ئەتراپىدىكى ئۆيلەر ۋە خۇداغا ئاتالغان سوۋغاتلارنى ساقلايدىغان خەزىنىلەر ھەققىدىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ كۆڭلىگە سالغانلىرى بويىچە كۆرسەتمە بەردى. داۋۇت ئۇنىڭغا يەنە روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنى قانداق تەشكىللەشكە، ئۇلارنىڭ ئىبادەتخانىدا قىلىدىغان خىزمەتلىرىگە ۋە خىزمەت قىلغاندا ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇملارغا ئائىت ئىشلارنىمۇ چۈشەندۈردى. ئۇنىڭغا يەنە خۇدانىڭ خىزمىتىدە ئىشلىتىلىدىغان تۈرلۈك بۇيۇملارغا كېتىدىغان ئالتۇن، كۈمۈشنىڭ مىقدارى، يەنى ھەربىر ئالتۇن ۋە كۈمۈش چىراغ ۋە چىراغدانلارنىڭ ئىشلىتىلىدىغان ئورنىغا قاراپ، ئۇنىڭغا كېتىدىغان ئالتۇن ۋە كۈمۈشنىڭ مىقدارى، خۇداغا ئاتالغان نانلارنى قويىدىغان ئالتۇن شىرەلەرگە كېتىدىغان ئالتۇننىڭ مىقدارى ۋە كۈمۈش شىرەلەرگە كېتىدىغان كۈمۈشنىڭ مىقدارى، ھەربىر ئالتۇن ئارا، ئالتۇن داس، ئالتۇن كومزەك ۋە ئالتۇن، كۈمۈش تەخسىلەرگە كېتىدىغان ئالتۇن ۋە كۈمۈشنىڭ مىقدارى، ئالتۇن ئىسرىقدانغا كېتىدىغان ئالتۇننىڭ مىقدارىنى بەلگىلەپ بەردى. شۇنداقلا، ئالتۇن ھارۋىدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىنى ئېچىلغان قاناتلىرى بىلەن يېپىپ تۇرىدىغان ئالتۇن كېرۇبنىڭ لايىھەسىنىمۇ سۇلايمانغا بەردى. داۋۇت مۇنداق دېدى: _ مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا ئۆز قولى بىلەن كۆرسەتكەنلىرى بويىچە، بىرمۇبىر تەپسىلى يېزىپ چىقتىم. ئۇ ئوغلى سۇلايمانغا يەنە: _ سەن قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول، ئىشنى باشلا! ھەرگىز قورقما ھەم چۈشكۈنلەشمە. چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدا، يەنى مەن ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا سەن بىلەن بىرگىدۇر. شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى چوقۇم قۇرۇلىدۇ، پەرۋەردىگار سەندىن ھەرگىز ئايرىلمايدۇ، سېنى تاشلىمايدۇ. مانا قارا، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا روھانىيلار ۋە لاۋىيلار ھەرقانداق خىزمەتلەرنى قىلىشقا تەييار تۇرىدۇ. ئۇستا ھۈنەرۋەنلەرمۇ ساڭا جان-دىلى ۋە ئىختىيارلىقى بىلەن ياردەم قىلىدۇ. پۈتۈن ئەمەلدار ۋە خەلق سېنىڭ بۇيرۇقۇڭغا بويسۇنىدۇ، _ دېدى. داۋۇت پادىشاھ پۈتۈن جامائەتكە مۇنداق دېدى: _ خۇدا تاللىغان ئوغلۇم سۇلايمان تېخى ياش ھەم تەجرىبىسىز، ئەمما قىلىدىغان ئىشى ئىنتايىن بۈيۈكتۇر. ئىنتايىن چوڭ بىر قۇرۇلۇش، چۈنكى ئىبادەتخانا ئىنسانلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار خۇدانىڭ شان-شەرىپى ئۈچۈن سېلىنىدۇ. خۇدايىمنىڭ بۇ ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن يېتەرلىك ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈر ۋە ياغاچ ماتېرىياللارنى تەييارلاپ قويدۇم. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆپلىگەن سىزىقلىق ھېقىق، فىرۇزە تاشلار، رەڭلىك تاشلار، مەرمەر ۋە ھەر خىل قىممەت باھالىق تاشلارنىمۇ تەييارلاپ قويدۇم. مەن خۇدايىمنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا بولغان ساداقىتىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك ماتېرىياللارنى تەييارلىغاندىن باشقا يەنە ئۆزۈمنىڭ ئەتىۋارلاپ ساقلاپ قويغان ئالتۇن، كۈمۈشلىرىمنىمۇ ھەدىيە قىلماقچىمەن. مەن ئىبادەتخانىنىڭ تاملىرىنى زىننەتلەشكە 100 توننا ئوفىر ئالتۇنى ۋە 240 توننا كۈمۈش ھەدىيە قىلىمەن. ئۇستا ھۈنەرۋەنلەر ئۇنىڭدىن ئالتۇن ۋە كۈمۈش جابدۇقلارنىمۇ ياسايدۇ. قېنى، بۈگۈن يەنە كىم پەرۋەردىگارغا خالىس ھەدىيە بېرىشنى خالايدۇ؟ شۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى جەمەت باشلىقلىرى، ئىسرائىلىيەدىكى ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ يولباشچىلىرى، مىڭبېشى، يۈزبېشىلار ۋە ئوردا ئەمەلدارلىرى ئۆز كۆڭۈللىرىدىن چىقىرىپ سوۋغاتلار ھەدىيە قىلدى. ئۇلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 180 توننا 84 كىلو ئالتۇن، 360 توننا كۈمۈش، 650 توننا تۇچ ۋە 3600 توننا تۆمۈر ھەدىيە قىلدى. كىمدە قىممەت باھالىق تاشلار بولسا، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ خەزىنىسىگە تاپشۇردى. ئامبارغا گېرشون ئەۋلادىدىن بولغان يىخىئېل قارايتتى. خەلق چىن دىلىدىن خۇداغا ئاتاپ ھەدىيە بەرگەن بۇ ئادەملەردىن سۆيۈندى. پادىشاھ داۋۇتمۇ خۇرسەن بولدى. داۋۇت پۈتۈن جامائەت ئالدىدا پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەپ ھەمدۇسانا ئوقۇدى: «ئى پەرۋەردىگار _ ئەجدادىمىز ئىسرائىل ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، ساڭا ئەبەدىلئەبەد مەدھىيەلەر بولسۇن! ئى پەرۋەردىگار، ئۇلۇغلۇق، قۇدرەت، شان-شۆھرەت ۋە بۈيۈكلۈك ساڭا مەنسۇپتۇر. ئاسمان ۋە زېمىندىكى بارچە نەرسە ساڭا تەۋەدۇر! ئى پەرۋەردىگار، بۇ سېنىڭ پادىشاھلىقىڭدۇر، سەن ھەممىدىن يۈكسەك ھۆكۈمراندۇرسەن! بايلىق ۋە شۆھرەت سەندىن كېلىدۇ، سەن پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ ھۆكۈمرانىسەن، سەن پۈتكۈل ھوقۇق ۋە كۈچ-قۇدرەتنىڭ ئىگىسىدۇرسەن، ھەركىمنى يۈكسەك، كۈچلۈك قىلىش سېنىڭ ئىلىكىڭدىدۇر. ئى خۇدايىمىز، بىز ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمىز، سېنىڭ شەرەپلىك نامىڭنى ئۇلۇغلايمىز! مەن كىم ئىدىم، مېنىڭ خەلقىم كىم ئىدى. بىز قانداقمۇ ساڭا ھەدىيە قىلىشقا لايىق كېلىمىز؟ چۈنكى پۈتۈن نەرسە سەندىن كېلىدۇ. بىز پەقەت سەندىن ئالغان نەرسىنى ئۆزۈڭگە قايتۇردۇق، خالاس! بىز سېنىڭ ئالدىڭدا خۇددى ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئوخشاش پەقەت ئۆتكۈنچى مېھمانمىز، بىزنىڭ بۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىز خۇددى كۆلەڭگىدەك ئىزسىز تېزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا، بىز سېنىڭ مۇقەددەس نام-شەرىپىڭگە ئاتاپ سالماقچى بولغان ئىبادەتخانىغا تەييارلىغان بۇ بايلىقلارمۇ سەندىن كەلگەن، ھەممىسى ساڭا مەنسۇپتۇر. ئى خۇدايىم، سېنىڭ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى سىنايدىغانلىقىڭنى بىلىمەن، سەن دۇرۇس ئادەملەردىن خۇرسەن بولىسەن. مەن بەرگەن نەرسىلەرنى چىن دىلىمدىن ساڭا ئاتىدىم، شۇنداقلا مەن بۇ يەردە تۇرغان خەلقىڭنىڭ خۇشاللىق ۋە ئۆز ئىختىيارى بىلەن بايلىقلىرىنى ساڭا تەقدىم قىلغانلىقىنى كۆردۈم. ئى پەرۋەردىگار _ ئەجدادلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ئىسرائىل ئېتىقاد قىلغان خۇدا! خەلقىڭنى مەڭگۈ مۇشۇنداق ئۆزۈڭگە قىزغىن قىلغايسەن، ئۇلارنى ئۆزۈڭگە سادىق قىلغايسەن. ئوغلۇم سۇلايماننىڭ سېنىڭ ئەمر، قانۇن ۋە قائىدىلىرىڭگە رىئايە قىلىشى، شۇنداقلا مەن تەييارلاپ قويغان ئاشۇ ماتېرىياللارنى ئىشلىتىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىبادەتخانىنى قۇرۇپ چىقىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا كۈچلۈك ئىستەك ئاتا قىلغايسەن.» كېيىن داۋۇت پۈتۈن جامائەتكە قاراپ: «پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار» دېدى. شۇنىڭ بىلەن جامائەت ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتتى. ئۇلار پەرۋەردىگارغا ۋە پادىشاھقا بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ، تەزىم قىلدى. ئۇلار ئەتىسى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلدى. ئۇلار پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە ۋاكالىتەن مىڭ تۇياق بۇقا، مىڭ تۇياق قوچقار، مىڭ تۇياق پاقلاننى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۆكىدىغان ئىچىملىك ھەدىيەسى ۋە نۇرغۇنلىغان باشقا قۇربانلىقلارنىمۇ تەقدىم قىلدى. ئۇ كۈنى خەلق پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا شاد-خۇراملىق بىلەن يەپ-ئىچىشتى. ئۇلار يەنە بىر قېتىم داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايماننى پادىشاھ دەپ جاكارلاشتى. ئۇلار پەرۋەردىگار ئالدىدا سۇلايمان ۋە زادوقنىڭ باشلىرىغا ياغ قۇيۇپ، سۇلايماننى پادىشاھ، زادوقنى روھانىي قىلىپ تەيىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن سۇلايمان ئاتىسى داۋۇتقا ۋارىسلىق قىلىپ، پەرۋەردىگار ئاتا قىلغان پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇردى. ئۇ ھەممە ئىشلىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلدى. بارلىق ئەمەلدارلار، باتۇر جەڭچىلەر ۋە داۋۇت پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرى پادىشاھ سۇلايمانغا ساداقىتىنى بىلدۈرۈشتى. پەرۋەردىگار سۇلايماننى پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئالدىدا شۇ قەدەر ئىززەت-ئابرويغا ئىگە قىلدىكى، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقانداق بىر پادىشاھى بۇنداق شۆھرەتكە مۇيەسسەر بولۇپ باقمىغانىدى. يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇت پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولغانىدى. ئۇ ئىسرائىلىيەگە 40 يىل پادىشاھ بولدى. ھىبروندا يەتتە يىل، يېرۇسالېمدا 33 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. داۋۇت ئۇزۇن ئۆمۈر كۆردى، يۈكسەك باي-باياشاتلىق ۋە ئىززەت-ھۆرمەت بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ئورنىغا ئوغلى سۇلايمان پادىشاھ بولدى. داۋۇت پادىشاھنىڭ پۈتكۈل ئىش-ئىزلىرى غايىبنى بىلگۈچى سامۇئىل، ناتان پەيغەمبەر ۋە غايىبنى بىلگۈچى گادنىڭ تەزكىرىلىرىگە كىرگۈزۈلگەنىدى. داۋۇتنىڭ پادىشاھ بولغان ۋاقىتلىرىدا كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقلىرى، ئۇنىڭ ۋە ئىسرائىل خەلقىنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ۋەقەلىكلىرى ھەمدە ئىسرائىلىيەنىڭ ئەتراپىدىكى پادىشاھلىقلاردا يۈز بەرگەن ئىشلارمۇ شۇ تەزكىرىلەرگە كىرگۈزۈلگەنىدى. داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايمان ئۆزىنىڭ شاھلىق تەختىنى مۇستەھكەملىدى. سۇلايمان ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنىڭغا يار-يۆلەك بولغاچقا، ئۇ تېخىمۇ كۈچىيىپ قۇدرەت تاپتى. سۇلايمان پۈتۈن ئىسرائىللارنى، جۈملىدىن مىڭبېشى، يۈزبېشى، سوتچى، يېتەكچى ۋە قەبىلە باشلىقلىرىنى چاقىرتىپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە گىبئوندىكى سەجدىگاھقا باردى. ئۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا چۆلدە ياساتقان خۇدا بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرى بار ئىدى. داۋۇت خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قىريات-يىئارىمدىن يېرۇسالېمدىكى ئۆزى تەييارلىغان يەرگە يۆتكەپ ئەكەلدۈرۈپ، شۇ يەردە ئەھدە ساندۇقى ئۈچۈن يەنە بىر چېدىر ياساتقانىدى. ئۇرىنىڭ ئوغلى، يەنى خۇرنىڭ نەۋرىسى بىزالئېل تۇچ بىلەن قاپلاپ ياسىغان قۇربانلىق سۇپىسى گىبئوندىكى پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا بولۇپ، سۇلايمان ۋە جامائەت شۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى. سۇلايمان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدىكى قۇربانلىق سۇپىسىدا مىڭ تۇياق مالنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى. شۇ كېچىسى پەرۋەردىگار سۇلايمانغا زاھىر بولۇپ، مۇنداق دېدى: _ نېمە تىلىكىڭ بار، سورىغىن. سۇلايمان جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى: _ ئاتام داۋۇتقا زور مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، مېنى ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىس قىلدىڭ. ئى پەرۋەردىگار خۇدا، ئەمدى ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغايسەن. سەن مېنى يەر يۈزىدىكى قۇمدەك سانسىز خەلققە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدىڭ. ئەمدى ماڭا ئۇلارنى باشقۇرغۇدەك ئەقىل ۋە بىلىم بەرگەيسەن. بولمىسا كىممۇ شۇنچە كۆپ خەلق ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلالىسۇن؟ خۇدا سۇلايمانغا: _ سەن مەندىن ئۆزۈڭ ئۈچۈن بايلىق، مال-دۇنيا، شان-شەرەپ، ھەتتا ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە دۈشمەنلىرىڭنى يوقىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلماي، پەقەت خەلقىمنى، يەنى سېنىڭ ھۆكۈمرانلىقىڭغا تاپشۇرغان خەلقنى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل ۋە بىلىم تەلەپ قىلغانىكەنسەن، مەن ساڭا ئەقىل ۋە بىلىم بەرگەندىن سىرت، يەنە بۇرۇنقى پادىشاھلاردىمۇ بولمىغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى پادىشاھلاردىمۇ بولمايدىغان بايلىق، مال-دۇنيا ۋە شان-شەرەپ ئاتا قىلىمەن، _ دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن سۇلايمان گىبئونغا جايلاشقان سەجدىگاھتىكى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىپ، ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلدى. سۇلايمان پادىشاھ جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن ئاتلارنى توپلىدى. ئۇنىڭ 1400 جەڭ ھارۋىسى، 12 مىڭ ئېتى بار ئىدى. ئۇ ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى جەڭ ھارۋىلىرى تۇرىدىغان شەھەرلەرگە ۋە يەنە بىر قىسمىنى ئۆزى تۇرىدىغان يېرۇسالېمغا جايلاشتۇردى. سۇلايمان پادىشاھ يېرۇسالېمدا كۈمۈش ۋە ئالتۇننى خۇددى تاشتەك، كېدىر ياغىچىنى خۇددى غەربىي ئېدىرلىقتىكى ياۋا ئەنجۈر دەرەخلىرىدەك كۆپەيتىۋەتتى. سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئاتلىرى مىسىردىن ۋە كىلىكىيەدىن كەلتۈرۈلەتتى. پادىشاھنىڭ سودىگەرلىرى ئاتلارنى كىلىكىيەدىن مۇقىم باھادا سېتىۋالاتتى. مىسىردىن كەلتۈرۈلگەن جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ ھەربىرىنىڭ باھاسى سەككىز كىلو كۈمۈش، ئاتنىڭ ھەربىرىنىڭ باھاسى ئىككى كىلو كۈمۈش ئىدى. سۇلايمان پادىشاھنىڭ سودىگەرلىرى ئۇ نەرسىلەرنى خىتلار ۋە ئارراملارنىڭ بارلىق پادىشاھلىرىغا سېتىشاتتى. سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا ۋە ئۆزى ئۈچۈن ئوردا سالدۇرۇش قارارىغا كەلدى. سۇلايمان تاغدا تاش قېزىش ئۈچۈن 80 مىڭ ئادەم، تاش ۋە ياغاچ توشۇش ئۈچۈن 70 مىڭ ئادەم ۋە ئۇلارنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن 3600 ئادەمنى تاللىدى. سۇلايمان تىر پادىشاھى ھىرامغا ئادەم ئەۋەتىپ، مۇنداق دېدى: «سىلى ئاتام داۋۇتنىڭ ئوردا قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كېدىر دەرىخى ئەۋەتىپ بەرگەندەك، ماڭىمۇ ئەۋەتىپ بەرگەيلا. ھازىر مەن پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سېلىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلىماقچىمەن. ئۇ يەردە، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خۇشبۇي ئىسرىق سېلىنىپ، پەرۋەردىگارغا سۇنۇلىدىغان نانلار ھەر زامان دەستىلەپ قويۇلىدۇ. ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە، دەم ئېلىش كۈنىدە، يېڭى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى ۋە خۇدايىمىز پەرۋەردىگار بەلگىلىگەن باشقا ھېيتلاردا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنىدۇ. بۇ ئىسرائىللار مەڭگۈ ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان بەلگىلىمىدۇر. مەن سالماقچى بولغان بۇ ئىبادەتخانا شۇنچىلىك ھەشەمەتلىك بولىدۇ، چۈنكى بىزنىڭ خۇدايىمىز بارلىق بۇت ئىلاھلاردىن بۈيۈكتۇر. ئۇ ئاسمان، ھەتتا ئەرشئەلاغا پاتمىغان يەردە، ئۇنىڭغا كىممۇ ئىبادەتخانا سالالىسۇن؟ مەن كىم ئىدىم، ئۇنىڭغا ئىبادەتخانا سالالىغۇدەك؟ مېنىڭ نىيىتىم پەقەت ئۇنىڭغا ئاتاپ ئىسرىق سالغۇدەك بىر يەر ھازىرلاش خالاس. ھازىر سىلى ماڭا بىر ئۇستا ئەۋەتىپ بەرسىلە. ئۇ ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈردىن نەرسىلەرنى ياسىيالايدىغان، سۆسۈن، توق قىزىل، كۆك رەڭلىك رەختلەردىن كەشتىچىلىك قىلالايدىغان، ئويمىچىلىق قىلالايدىغان، ئاتام داۋۇت يېرۇسالېم ۋە پۈتۈن يەھۇدىيەدە تەييار قىلغان ئۇستىلار بىلەن بىرگە ئىشلىيەلەيدىغان بولسۇن. ھەم لىۋاندىن كېدىر، قارىغاي ۋە ئېسىل ياغاچلارنى ئەۋەتسىلە. خىزمەتكارلىرىنىڭ لىۋان تېغىدا دەرەخ كېسىشكە ئۇستا ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. مەن سىلىنىڭ خىزمەتكارلىرى بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغانغا ئادەم ئەۋەتىمەن. مەن ياسايدىغان ئىبادەتخانا بەك ھەشەمەتلىك بولغاچقا، ماڭا كېرەك بولىدىغان ياغاچلارمۇ كۆپ بولىدۇ. مەن سىلىنىڭ ياغاچ كېسىدىغان خىزمەتكارلىرىغا 1400 توننا يارما قىلىنغان بۇغداي، 1400 توننا ئارپا، 2000 توننا شاراب ۋە 2000 توننا زەيتۇن يېغى بېرەي.» تىر پادىشاھى ھىرام سۇلايمانغا مەكتۇپ ئارقىلىق مۇنداق جاۋاب بەردى: «پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ خەلقىنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن، سىلىنى ئۇلارنىڭ پادىشاھى قىلىپ تىكلىدى. ئاسمان-زېمىننى ياراتقان، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇداغا مەدھىيەلەر بولسۇن. ئۇ داۋۇت پادىشاھنىڭ دانا ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك ئوغلى سۇلايمان ئارقىلىق ئۆزىگە ئىبادەتخانا ھەم سىلىگە ئوردا سالدۇرماقچى بولۇۋېتىپتۇ. مەن سىلىگە ھۇرام ئىسىملىك ئەقىللىق ۋە چېۋەر بىر ئۇستامنى ئەۋەتەي. ئۇنىڭ ئانىسى دان قەبىلىسىدىن، ئاتىسى تىرلىقتۇر. ھۇرام ئويمىچىلىققا، لايىھەلەشكە، ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈر، تاش، ياغاچتىن نەرسە ياساشقا، نەپىس كەندىر رەختلەرنى سۆسۈن، توق قىزىل، كۆك رەڭلىك يۇڭ يىپلار بىلەن كەشتىلەىشكە ماھىردۇر. ئۇ ئاتىلىرى داۋۇتنىڭ ئۇستىلىرى ۋە باشقا ئۇستىلار بىلەن بىرگە ئىشلىسە بولىدۇ. سىلى ئەمدى بېرىشكە ۋەدە قىلغان بۇغداي، ئارپا، زەيتۇن يېغى ۋە شارابلارنى خىزمەتكارلىرىمغا ئەۋەتىپ بەرسىلە. بىز لىۋان تېغىدىن سىلىگە كېرەكلىك بولغان ياغاچلارنى كېسىپ، ئۇنى سال قىلىپ، سۇ يولى بىلەن جاففاغا ئەۋەتىپ بېرەيلى. سىلى ئۇ يەردىن ياغاچلارنى يېرۇسالېمغا توشۇۋالسىلا.» سۇلايمان ئاتىسى داۋۇتنىڭ ئۇسۇلى بويىچە ئىسرائىلىيەدە ياشاۋاتقان بارلىق يات خەلقلەرنى تىزىملاپ چىقتى، ئۇلار جەمئىي 153,600 ئادەم ئىدى. ئۇ بۇلاردىن 80,000 ئادەمنى تاغدىن تاش قېزىشقا، 70,000 ئادەمنى توشۇغۇچى ئىشچىلىققا، 3600 ئادەمنى نازارەتچىلىككە ئەۋەتتى. سۇلايمان يېرۇسالېمنىڭ مورىيا تېغىدا پەرۋەردىگار ئۈچۈن سېلىنىدىغان ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلۇشىنى باشلىدى. ئىبادەتخانىنىڭ ئورنى يىبۇسلۇق ئاراۋنانىڭ خامانلىقىدا بولۇپ، بۇ يەرنى داۋۇت بەلگىلەنگەنىدى. پەرۋەردىگار سۇلايماننىڭ ئاتىسى داۋۇتقا شۇ يەردە زاھىر بولغانىدى. سۇلايمان ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 4-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى قۇرۇلۇش باشلاندى. بۇرۇنقى ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ھېسابلىغاندا، ئۇ ياساتماقچى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 30 مېتىر، كەڭلىكى 10 مېتىر ئىدى. ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدىكى ئايۋاننىڭ كەڭلىكى ئىبادەتخانىنىڭ كەڭلىكىگە تەڭ بولۇپ، كەڭلىكى 10 مېتىر، ئېگىزلىكى 10 مېتىر ئىدى. ئىچىنىڭ ھەممە يېرىگە ساپ ئالتۇن قاپلانغانىدى. ئاساسىي خانا قارىغاي تاختايلىرى بىلەن قاپلىنىپ، ئاندىن ساپ ئالتۇن چاپلىنىپ، ئۈستىگە خورما دەرىخى ۋە ئۆرۈمە تانىلارنىڭ شەكلى ئويۇلغانىدى. سۇلايمان ئىبادەتخانىنى گۆھەر ۋە پارۋايىمدىن ئەكەلگەن ئالتۇنلار بىلەن بېزەتكۈزدى. ئىبادەتخانىنىڭ لىم ياغاچلىرى، بوسۇغىلىرى، تاملىرى ۋە ئىشىكلىرىنى ئالتۇن بىلەن قاپلاتقۇزۇپ، تېمىغا كېرۇبلارنىڭ شەكلىنى ئويدۇردى. سۇلايمان ئەڭ مۇقەددەس خانىنىمۇ ياساتقۇزدى. خانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 10 مېتىر، كەڭلىكىمۇ 10 مېتىر بولۇپ، ئىبادەتخانىنىڭ كەڭلىكى بىلەن ئوخشاش ئىدى. خانىنىڭ ئىچىنى 21 توننا ساپ ئالتۇن بىلەن بېزەتكۈزدى. قېقىلغان مىخلارنىڭ بېشىغا قاپلانغان ئالتۇننىڭ ئېغىرلىقى 600 گىرام ئىدى. يۇقىرىقى خانىلارنىڭ ئىچىنىمۇ ئالتۇن بىلەن بېزەتكۈزدى. سۇلايمان يەنە ئىككى دانە كېرۇب ھەيكىلىنى ياسىتىپ، ئۇلارنى ئەڭ مۇقەددەس خانىنىڭ ئىچىگە ئورناتتى ۋە ئۇلارنىمۇ ئالتۇن بىلەن قاپلاتتى. ئۇلار ئەڭ مۇقەددەس خانىغا يانمۇيان ئۆرە تۇرغۇزۇپ قويۇلغان بولۇپ، يېيىلغان قاناتلىرىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 10 مېتىر ئىدى. سۇلايمان يەنە نەپىس كەندىر رەختتىن ئەڭ مۇقەددەس خانىغا پەردە تىكتۈرۈپ، ئۈستىگە كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل يۇڭ يىپلار بىلەن كېرۇبلارنى كەشتىلەتتى. سۇلايمان يەنە ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىغا ئىككى تۈۋرۈك ئورناتقۇزدى. ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 18 مېتىر بولۇپ، ھەربىر تۈۋرۈك ئۈستىگە ئورنىتىلغان تۈۋرۈك بېشىنىڭ ئېگىزلىكى ئىككى يېرىم مېتىر ئىدى. ئۇ يەنە زەنجىر ياسىتىپ، تۈۋرۈك بېشىغا ئاستۇردى. 100 دانە ئانار ياسىتىپ، زەنجىرنى بېزەتكۈزدى. بۇ تۈۋرۈكلەر ئىبادەتخانا ئىشىكىنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە بولۇپ، ئوڭ تەرەپتىكىسىگە «ياكىن» [مەنىسى «خۇدا تىكلەيدۇ»]، سول تەرەپتىكىسىگە «بوئاز» [مەنىسى «خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن»] دەپ نام بەردى. سۇلايمان ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى ئون مېتىر، ئېگىزلىكى بەش مېتىر كېلىدىغان تۇچ بىلەن قاپلانغان قۇربانلىق سۇپىسى ياساتتى. ئۇ يەنە كەڭلىكى بەش مېتىر، چوڭقۇرلۇقى ئىككى يېرىم مېتىر، ئايلانمىسى 15 مېتىر كېلىدىغان، «دېڭىز» دەپ ئاتالغان يۇمىلاق شەكىلدىكى تۇچ داڭقان قۇيدۇردى. تۇچ داڭقاننىڭ گىرۋىكى ئاستىغا ئىككى قۇر بۇقا شەكىللىك نەقىش چىقىرىلغان، ھەر مېتىر ئارىلىققا يىگىرمە بۇقا قۇيۇلغان بولۇپ، ئۇلار داڭقان قۇيۇلغان چاغدىلا بىللە قۇيۇلۇپ چىققانىدى. داڭقان 12 تۇچ بۇقىلارنىڭ ئۈستىگە قويۇلغانىدى. بۇقىلارنىڭ ئۈچى شىمالغا، ئۈچى غەربكە، ئۈچى جەنۇبقا، ئۈچى شەرققە قارىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قۇيرۇقلىرى ئىچى تەرەپكە قارايتتى. داڭقاننىڭ قېلىنلىقى سەككىز سانتىمېتىر بولۇپ، گىرۋىكى خۇددى پىيالىنىڭ گىرۋىكىگە ھەم پىيازگۈلنىڭ گۈلىگە ئوخشايتتى. 66 توننا سۇ سىغاتتى. سۇلايمان يەنە ئون دانە داس ياسىتىپ، ئۇنىڭ بەشىنى ئىبادەتخانىنىڭ جەنۇبىغا، بەشىنى شىمالىغا قويدۇردى. ئۇلار قۇربانلىق قىلىنىدىغان مالنى يۇيۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلەتتى. تۇچ داڭقاندا روھانىيلار پۇت-قولىنى يۇياتتى. سۇلايمان يەنە بېكىتىلگەن لايىھەگە ئاساسەن ئون دانە ئالتۇن چىراغدان ياسىتىپ، ئۇنىڭ بەشىنى ئىبادەتخانىنىڭ تاشقىرى خانىسىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە، بەشىنى شىمالىي تەرىپىگە قويغۇزدى. ئۇ يەنە ئون دانە شىرە ياسىتىپ، بەشىنى ئىبادەتخانىنىڭ تاشقىرى خانىسىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە، بەشىنى شىمالىي تەرىپىگە قويغۇزدى. ئۇ يەنە قۇربانلىقنىڭ قېنىنى چاچىدىغانغا يۈز دانە ئالتۇن داس ياساتتى. ئۇ، روھانىيلار خىزمەت قىلىدىغان ھويلا بىلەن چوڭ ھويلىنى ياساتتى. چوڭ ھويلىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ قاناتلىرىنى تۇچ بىلەن قاپلاتقۇزدى. داڭقاننى ئىبادەتخانىنىڭ شەرقىي جەنۇب بۇرجىكىگە ئورۇنلاشتۇرغۇزدى. ھۇرام يەنە كۈل ئالىدىغان قاچا، گۈرجەك ۋە داسلارنى ياسىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا سۇلايمان پادىشاھ ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك بارلىق ئىشلارنى پۈتتۈردى. ئۇنىڭ ياسىغانلىرى مۇنۇلاردىن ئىبارەت: ئىككى تۈۋرۈك، تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشىدىكى قاچا شەكىللىك ئىككى تۈۋرۈك بېشى، قاچا شەكىللىك تۈۋرۈك بېشىنى يېپىپ تۇرىدىغان ئىككى تورسىمان بېزەك، تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشىدىكى قاچا شەكىللىك ئىككى تۈۋرۈك بېشىنى يېپىپ تۇرىدىغان تورسىمان بېزەكلەرگە ئېسىلغان 400 دانە ئانار، (ھەربىر تۈۋرۈكتە ئىككى قۇردىن ئانار بولۇپ، بىر قۇردا 100 دانە ئانار بار ئىدى.) ھارۋا، ھارۋا ئۈستىدىكى تۇچ داس، داڭقان ۋە ئۇنىڭ ئاستىدىكى ئون ئىككى بۇقا، قاچا، گۈرجەك ۋە ئارا. سۇلايمان پادىشاھنىڭ تەلىپى بىلەن ھۇرام پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ياسىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى پارقىراق تۇچتىن ياساپ چىقتى. پادىشاھ بۇلارنى ئىئوردان تۈزلەڭلىكىدە، سۇككوت بىلەن زارىتاننىڭ ئوتتۇرىسىدا سېغىز لاي قېلىپلاردا قۇيدۇرۇپ ياساتتى. سۇلايمان ياساتقان نەرسىلەر بەك كۆپ بولغاچقا، ئىشلىتىلگەن تۇچلارنىڭ ئېغىرلىقى ھېسابلانمىدى. سۇلايمان يەنە خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا كېرەكلىك بارلىق بۇيۇملارنى ياساتقۇزدى. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: ئالتۇن ئىسرىقدان، خۇداغا سۇنۇلىدىغان نانلارنى تىزىدىغان شىرەلەر، ساپ ئالتۇن چىراغدانلار ۋە چىراغلار، (بېكىتىلگەن لايىھەگە ئاساسەن چىراغلار ئىچكىرى خانىنىڭ ئالدىدا يېنىپ تۇرۇشى كېرەك ئىدى.) ساپ ئالتۇندىن ياسالغان چىراغدانلارنىڭ گۈللۈك نەقىشلىرى، چىراغلار، پىلىك قىسقۇچلار، ساپ ئالتۇندىن ياسالغان پىلىك قايچىسى، داس، ئىسرىق تەخسىسى ۋە چوغدانلار، ئەڭ مۇقەددەس جاي بولغان ئىچكىرى خانىنىڭ ۋە تاشقىرى خانىنىڭ كىرىش ئېغىزلىرىدىكى ئالتۇن ئىشىكلەر. سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى «داۋۇت شەھىرى»دىن، يەنى سىئوندىن ئىبادەتخانىغا يۆتكەپ ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنى، يەنى ھەرقايسى قەبىلە ۋە جەمەت باشلىقلىرىنىڭ ھەممىسىنى يېرۇسالېمدا جەم بولۇشقا بۇيرۇدى. شۇ سەۋەبتىن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى باش كۈزدىكى كەپە تىكىش ھېيتىدا پادىشاھنىڭ ئالدىغا جەم بولدى. سۇلايمان پادىشاھ ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا جەم بولۇپ، نۇرغۇنلىغان قوي ۋە كالىلارنى قۇربانلىق قىلىشتى. قۇربانلىقلارنىڭ سانى ھېسابسىز بولۇپ، سانىنى ئېلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئاندىن روھانىيلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئۆز جايىغا، يەنى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرىكى قىسمىدىكى ئەڭ مۇقەددەس خانىغا ئېلىپ كىرىپ، ئىككى كېرۇبنىڭ قانىتى ئاستىغا قويدى. كېرۇبلارنىڭ قاناتلىرى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىدە يېيىلىپ، ئەھدە ساندۇقى بىلەن ئۇنى كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى يېپىپ تۇراتتى. ئەھدە ساندۇقىنىڭ بالداقلىرى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇچىنى ئىچكىرى خانىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، كۆرگىلى بولاتتى، لېكىن سىرتتىن كۆرۈنمەيتتى. ئەھدە ساندۇقى تاكى ھازىرغىچە شۇ يەردە تۇرماقتا. ئەھدە ساندۇقى ئىچىدە مۇسا سىناي تېغىدا سېلىپ قويغان ئىككى تاش تاختىدىن باشقا ھېچ نەرسە يوق ئىدى. ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار شۇ تاغدا ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزگەنىدى. روھانىيلار مۇقەددەس جايدىن قايتىپ چىقىشتى. بارلىق روھانىيلار مەيلى قايسى توپتىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسى ئۆزلىرىنى پاكلىغانىدى. نەغمىچى لاۋىيلارنىڭ ھەممىسى، يەنى ئاساف، ھېمان، يىدۇتۇن ۋە ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرى، تۇغقانلىرى نەپىس كەندىر رەختتىن تىكىلگەن تون كىيىشىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ شەرقىدە تۇرۇشاتتى. ئۇلارنىڭ قوللىرىدا جاڭ، چىلتار، لىرا بار ئىدى. 120 نەپەر كاناي چالىدىغان روھانىيلار ئۇلارنىڭ يېنىدا ئىدى. نەغمىچىلەر پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىپ، مەدھىيە ئوقۇغان ۋاقتىدا كاناي، جاڭ ۋە باشقا سازلار بىرلىكتە تەڭكەش قىلىنىپ، ئۆزئارا ماسلاشقانىدى. ئۇلار ناخشا ئېيتىپ: «پەرۋەردىگار شاپائەتلىكتۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر» دەپ مەدھىيەلىشىۋاتاتتى. دەل شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى بۇلۇت بىلەن تولغانىدى. بۇلۇت، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى ئىبادەتخانىنى قاپلىغاچقا، روھانىيلار ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالماي قالغانىدى. بۇ چاغدا سۇلايمان پادىشاھ: _ ئى پەرۋەردىگار، سەن قويۇق قارا بۇلۇتلار ئىچىدە تۇرىمەن دېگەنىدىڭ. بۈگۈن مەن ساڭا ئاتاپ، مەڭگۈلۈك تۇرۇشۇڭ ئۈچۈن ھەيۋەتلىك بىر ئىبادەتخانا سالدىم، _ دەپ دۇئا قىلدى. ئاندىن سۇلايمان پادىشاھ بۇرۇلۇپ، ئۆرە تۇرغان پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىگە قاراپ، ئۇلارغا بەخت تىلىدى ۋە مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇداغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! ئۇ ئۆز ئاغزى بىلەن ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدىسىنى بۈگۈن ئۆز قۇدرىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇردى. ئۇ ئاتامغا: «مەن ئۆز خەلقىمنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان كۈندىن بۇيان، نام-شەرىپىم ئۈچۈن ئىبادەتخانا سېلىشقا ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ شەھەرلىرىدىن ھېچقايسىسىنى تاللىمىغانىدىم. خەلقىم ئىسرائىللار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ئادەمنىمۇ تاللىمىدىم. ئەمدى مەن ‹مېنىڭ ئۆيۈم مۇشۇ يەردە بولسۇن› دەپ يېرۇسالېمنى تاللىدىم، خەلقىم ئىسرائىللار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا سېنى تاللىدىم» دېگەنىدى. ئاتام داۋۇتنىڭ، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نامىغا ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سالدۇرۇش نىيىتى بار ئىدى. ئەمما پەرۋەردىگار ئاتام داۋۇتقا: «مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ ئىبادەتخانا سېلىش نىيىتىدە بولغىنىڭ ياخشى ئىش، لېكىن ئىبادەتخانىنى سەن ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ئۆز پۇشتۇڭدىن بولغان ئوغلۇڭ سالىدۇ» دېگەنىدى. ھازىر پەرۋەردىگار ئۆز ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. مەن پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك، ئاتام داۋۇتنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ تەختىدە ئولتۇردۇم، ھەمدە بىز ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نامىغا ئاتاپ بۇ ئىبادەتخانىنى سالدۇردۇم. ئىبادەتخانىغا ئەھدە ساندۇقىنى قويۇپ قويدۇم. مانا ئەھدە ساندۇقىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدىسى، يەنى ئۇنىڭ ئىسرائىللار بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى تۇرۇپتۇ. مۇنداق دۇئا قىلدى: _ ئى پەرۋەردىگار، يەنى بىز ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، ئاسمان ۋە زېمىندا ساڭا تەڭداش بولالايدىغان باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر. چىن قەلبىدىن سېنىڭ يولۇڭدا ماڭغان خىزمەتكارلىرىڭغا ئەھدەڭدە تۇرۇپ، ساداقىتىڭنى كۆرسىتىسەن. سەن خىزمەتكارىڭ ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدەڭدە تۇردۇڭ، ئۆز ئاغزىڭ بىلەن قىلغان ۋەدەڭنى مانا بۈگۈن ئۆز قۇدرىتىڭ بىلەن بەجا كەلتۈردۈڭ. ئى پەرۋەردىگار، يەنى بىز ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، سەن خىزمەتكارىڭ ئاتام داۋۇتقا: «سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئۆزىنىڭ ئىش-ئەمەللىرىگە دىققەت قىلىپ، سەن مېنىڭ ئەمرلىرىم بويىچە قۇسۇرسىز يۈرگەندەك توغرا يولدا يۈرسە، مېنىڭ ئالدىمدا، ئىسرائىلىيە تەختىدە ئولتۇرۇشقا ئەۋلادىڭدىن ئادەم كەم بولمايدۇ» دەپمۇ ئېيتقانىدىڭ. ئەمدى ئاتامغا قىلغان بۇ ۋەدەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغايسەن. ئى پەرۋەردىگار، يەنى بىز ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، خىزمەتكارىڭ بولغان داۋۇتقا بەرگەن ۋەدەڭنى ئادا قىلىشىڭنى ئۆتۈنىمەن! ئى خۇدا، سەن راستتىنلا ئىنسانلار بىلەن بىرگە زېمىندا تۇرامسەن؟ سەن ئاسمان، ھەتتا ئەرشئەلاغا پاتمىغان يەردە، ئەجەبا، مەن سالغان بۇ ئىبادەتخانىغا پاتارسەنمۇ؟ ياق! شۇنداقتىمۇ، ئى پەرۋەردىگارىم خۇدا، خىزمەتكارىڭنىڭ دۇئا ۋە ئىلتىجاسىغا قۇلاق سالغايسەن، خىزمەتكارىڭنىڭ سېنىڭ ئالدىڭدا قىلغان نىداسى ۋە نالىسىنى ئاڭلىغايسەن! سەن: «مۇشۇ يەردە ياشايمەن» دەپ ئېيتقان بۇ ئىبادەتخانىغا كېچە-كۈندۈز كۆزلىرىڭنى تىككەيسەن. خىزمەتكارىڭنىڭ بۇ يەرگە يۈزلىنىپ تۇرۇپ قىلغان دۇئاسىغا قۇلاق سالغايسەن! خىزمەتكارىڭ ۋە ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللار بۇ يەرگە قاراپ دۇئا قىلغان ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سالغايسەن. دەرگاھىڭ بولغان ئەرشتە تۇرۇپ ئاڭلىغايسەن ۋە گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن. ئەگەر بىر ئادەم قوشنىسىغا يامانلىق قىلدى، دەپ ئەيىبلەنسە ۋە ئۇ ئادەم ئۆزىنىڭ گۇناھسىزلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قەسەم ئىچىشكە مەجبۇرلىنىپ، بۇ ئىبادەتخانىغا كېلىپ، سېنىڭ قۇربانلىق سۇپاڭ ئالدىدا قەسەم ئىچسە، سەن ئەرشتە تۇرۇپ ئاڭلاپ، ھەرىكەت قىلغايسەن ۋە خىزمەتكارىڭ ئۈستىدىن ئادىل ھۆكۈم چىقارغايسەن. گۇناھكارنى جازالاپ، ئۇنىڭ قىلغىنىنى ئۆز بېشىغا قايتۇرغايسەن. بىگۇناھ كىشىگە ئۆز ھەققانىيىتىگە يارىشا ھەققىنى بەرگەيسەن. ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللار سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ قىلغانلىقى ئۈچۈن دۈشمەنلىرىدىن يېڭىلسە، ئاخىر يەنە قايتىپ، نامىڭنى ئۇلۇغلاپ، بۇ ئىبادەتخانىدا تۇرۇپ، دۇئا قىلىپ، سېنىڭ رەھىم قىلىشىڭنى تىلىسە، ئەرشتە تۇرۇپ ئاڭلاپ، ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارنى سەن ئاتا-بوۋىلىرىغا ۋە ئۇلارغا بەرگەن زېمىنغا قايتۇرۇپ ئەكەلگەيسەن. ئۇلار سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ قىلغانلىقىدىن ئاسمانلار يېپىلىپ، يامغۇر ياغمىسا، ئۇلار بۇ ئىبادەتخانىغا يۈزلىنىپ، ساڭا دۇئا قىلىپ، نامىڭنى ئۇلۇغلاپ، مۈشكۈللۈكتە قالدۇرغانلىقىڭ ئۈچۈن، ئۆز گۇناھلىرىغا توۋا قىلىپ، گۇناھ قىلىشتىن ساقلانسا، دۇئالىرىغا ئەرشتە تۇرۇپ قۇلاق سېلىپ، خىزمەتكارلىرىڭنىڭ، يەنى ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارغا ماڭىدىغان دۇرۇس يولنى كۆرسىتىپ بەرگەيسەن. ئۆز خەلقىڭگە تەقسىم قىلىپ بەرگەن زېمىنغا شەپقەت قىلىپ، يامغۇر ياغدۇرغايسەن. ئەگەر بۇ زېمىندا ئاچارچىلىق بولۇپ، ۋابا تارقىلىپ، زىرائەتلەر ئىسسىق شامالدىن قۇرۇپ، نەم شامالدىن كۆكىرىپ كەتسە، چېكەتكە چۈشۈپ، قۇرت يامراپ كەتسە، ياكى دۈشمەنلەر ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنى قورشىۋالسا، مەيلى قانداق ئاپەتكە دۇچار بولسا ياكى كېسەل تارقالسا، ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللار ئىچىدىن مەيلى كىم بولسۇن، ئاغرىق ۋە ئازاب ھېس قىلىپ، بۇ ئىبادەتخانىغا قاراپ، قوللىرىنى كۆتۈرۈپ، ئىلتىجا قىلىپ دۇئا قىلسا، ئەرشتىكى دەرگاھىڭدا تۇرۇپ ئاڭلاپ، گۇناھلىرىنى كەچۈرۈم قىلغايسەن ۋە ھەربىر كىشىنىڭ قەلبىگە ۋە تۇتقان يولىغا يارىشا مۇئامىلە قىلغايسەن، چۈنكى سەنلا ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى بىلىسەن. ئۇلارنىڭ سەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئاتا قىلغان زېمىندا تۇرۇپ، ئۆمۈر بويى سەندىن ئەيمىنىپ، سېنىڭ يولۇڭدا مېڭىشى ئۈچۈن شۇنداق قىلغايسەن. ئۆز خەلقىڭ بولغان ئىسرائىللارغا تەۋە بولمىغان يات خەلقلەر ئۇلۇغ نامىڭ ۋە ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولۇڭ ئۈچۈن يىراق يۇرتلاردىن بۇ ئىبادەتخانىغا كېلىپ، دۇئا قىلسا، ئەرشتىكى دەرگاھىڭدا تۇرۇپ، قۇلاق سېلىپ، ئۇلارنىڭ ساڭا قىلغان بارلىق ئىلتىجالىرىنى ئىجابەت قىلغايسەن. يەر يۈزىدىكى بارلىق خەلقلەرنى ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللارغا ئوخشاش نامىڭنى بىلىدىغان، سەندىن ئەيمىنىدىغان ۋە مەن سالغان بۇ ئىبادەتخانىنىڭ سېنىڭ نامىڭغا بېغىشلانغانلىقىنى بىلىدىغان قىلغايسەن. ئەگەر سەن ئۆز خەلقىڭنى دۈشمەنلىرىگە قارشى جەڭ قىلىشقا نەگىلا ئەۋەتسەڭ، ئۇلار سەن تاللىغان بۇ شەھەرگە ۋە مەن سېنىڭ نامىڭغا ئاتاپ سالغان بۇ ئىبادەتخانىغا قاراپ ساڭا دۇئا قىلسا، ئەرشتە تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ دۇئا ۋە ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سېلىپ، ئادالىتىڭنى كۆرسەتكەيسەن. ئۇلار ساڭا گۇناھ قىلغانلىقىدىن (گۇناھ قىلمايدىغان ئىنسان يوق) غەزىپىڭگە ئۇچراپ، دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالسا، دۈشمەنلەر ئۇلارنى مەيلى يىراق، ياكى يېقىن بولسۇن باشقا ئەلگە تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ كەتسە، ئۇلار تۇتقۇن قىلىنىپ ئېلىپ كېتىلگەن يات ئەلدە ھوشىنى تېپىپ، توۋا قىلىپ، ساڭا: «بىز گۇناھ قىلدۇق، بىز خاتالاشتۇق، بىز يامانلىق قىلدۇق» دەپ رەھىم قىلىشىڭنى تىلەپ، ئۆزلىرى تۇتقۇن قىلىنغان يات ئەلدە چىن قەلبى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ساڭا يۈزلىنىپ، سەن ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىغا ئاتا قىلغان زېمىن تەرەپكە تىكىلىپ، سەن تاللىغان بۇ شەھەر ۋە مەن سېنىڭ نامىڭغا ئاتاپ سالدۇرغان بۇ ئىبادەتخانا تەرەپكە قاراپ، دۇئا قىلسا، سەن ئەرشتىكى دەرگاھىڭدا ئۇلارنىڭ دۇئاسى ۋە ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇلارغا رەھىمدىل بولۇپ، ساڭا قارشى گۇناھ قىلغان خەلقىڭنى كەچۈرگەيسەن. ئى خۇدايىم، بىزگە نەزىرىڭنى ئاغدۇرۇپ، مۇشۇ جايدىن قىلىنغان دۇئاغا قۇلاق سالغايسەن. ئى پەرۋەردىگار خۇدا، مەرھەمەت ئىبادەتخاناڭغا _ ساڭا ئاتالغان ئارامگاھىڭغا. كىرگەيسەن قۇدرىتىڭ نىشانى بولغان ئەھدە ساندۇقى بىلەن بىرگە. ئى پەرۋەردىگار خۇدا، نىجاتلىق روھانىيلارغا كىيىم بولسۇن، تەقۋادار خەلقلىرىڭ مېھرىبانلىقىڭدىن شادلىققا تولسۇن. ئى پەرۋەردىگار خۇدا، رەت قىلمىغىن ئۆزۈڭ تاللىغان پادىشاھىڭنى، ئەسكە ئالغىن خىزمەتكارىڭ داۋۇتقا ئاتا قىلغان مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى. سۇلايمان دۇئا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئاسماندىن ئوت چۈشۈپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بىلەن باشقا قۇربانلىقلارنى كۆيدۈرۈۋەتتى. پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى ئىبادەتخانىغا تولدى. ئىبادەتخانىغا تولغان پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىدىن روھانىيلار ئىبادەتخانىغا كىرەلمەي قالدى. بارلىق ئىسرائىللار ئوتنىڭ چۈشكەنلىكىنى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىنىڭ ئىبادەتخانىنىڭ ئۈستىدە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، باشلىرىنى تاش ياتقۇزۇلغان يەرگە تەگكۈزۈپ، سەجدە قىلىشتى ۋە «پەرۋەردىگار شاپائەتلىكتۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر» دەپ شۈكۈر ئېيتىشتى. ئاندىن كېيىن پادىشاھ ۋە بارلىق خەلق پەرۋەردىگار ئالدىدا قۇربانلىقلارنى تەقدىم قىلدى. سۇلايمان پادىشاھنىڭ تەقدىم قىلغان قۇربانلىقى 22 مىڭ تۇياق كالا، 120 مىڭ تۇياق قوي بولدى. شۇنداق قىلىپ پادىشاھ ۋە پۈتكۈل خەلق ئىبادەتخانىنى خۇداغا بېغىشلىدى. روھانىيلار ئۆزلىرىنىڭ بەلگىلەنگەن جايلىرىدا تۇرۇپ، كاناي چالاتتى. لاۋىيلار ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدا تۇرۇشۇپ، پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەش ئۈچۈن تەييارلانغان سازلارنى تۇتۇپ تۇراتتى. داۋۇت پادىشاھ بۇ سازلارنى پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىش ئۈچۈن ياساتقانىدى. لاۋىيلار بۇ سازلار بىلەن «پەرۋەردىگارنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر» دەپ مەدھىيە ئوقۇغانىدى. پۈتۈن خەلق ئۆرە تۇراتتى. سۇلايمان تۇچ بىلەن قاپلاپ ياساتقان قۇربانلىق سۇپىسىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنىڭ يېغى پاتماي قالغانىدى، شۇڭا سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدىكى، ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يەرنى مۇقەددەس يەر قىلىپ بەلگىلەپ، ئۇلارنى شۇ يەردە كۆيدۈردى. شىمالدىكى لىبو-خامات شەھىرىدىن تارتىپ تاكى جەنۇبتىكى مىسىر چېگراسىدىكى دەرياغىچە بولغان ئارىلىقتىن كېلىپ توپلانغان پۈتكۈل ئىسرائىللار ناھايىتى زور جامائەت بولدى. سۇلايمان پادىشاھ ئۇلار بىلەن بىرلىكتە يەتتە كۈن كەپە تىكىش ھېيتىنى ئۆتكۈزدى. ئاندىن ئەتىسى ئۇلار يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئۇلار قۇربانلىق سۇپىسىنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلاش مۇراسىمىنى يەتتە كۈن ئۆتكۈزۈپ، يەنە يەتتە كۈن كەپە تىكىش ھېيتى قىلغانىدى. 7-ئاينىڭ 23-كۈنى سۇلايمان جامائەتنى ئۆيلىرىگە قايتۇردى. جامائەت پەرۋەردىگارنىڭ داۋۇت، سۇلايمان ۋە ئۆز خەلقى بولغان ئىسرائىللارغا كۆرسەتكەن شاپائىتىدىن تولىمۇ سۆيۈندى ۋە خۇرسەن بولدى. سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ۋە پادىشاھلىق ئوردىسىنى پۈتتۈردى. ئۇ، ئىبادەتخانا ۋە ئوردا قۇرۇلۇشىدا ئارمان قىلىپ كەلگەن ھەممە ئىشنى ئوڭۇشلۇق ئەمەلگە ئاشۇردى. پەرۋەردىگار سۇلايمانغا بىر كۈنى كەچتە زاھىر بولۇپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ سېنىڭ قىلغان دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم. مەن بۇ جاينى ئۆزۈمگە قۇربانلىق قىلىدىغان ئۆي قىلىپ تاللىدىم. ئەگەر مەن ئاسمانلارنى يېپىپ، يامغۇر ياغدۇرمىسام ياكى چېكەتكە ئەۋەتىپ، زېمىندىكى زىرائەتلەرنى يېگۈزسەم ياكى خەلقىم ئارىسىغا ۋابا چۈشۈرسەم، ماڭا مەنسۇپ بولغان خەلقىم گۇناھىنى تونۇپ، دۇئا قىلىپ، مېنىڭ دىدارىمغا ئىنتىلسە، يامان يولدىن يانسا، ئۇنداقتا مەن ئەرشتە تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈپ، زېمىنىغا شاپائەت قىلىمەن. ئەمدى مۇشۇ جايدىن قىلىنغان دۇئاغا كۆزۈم ۋە قۇلىقىم ئوچۇق بولىدۇ. مەن بۇ يەرنى مېنىڭ ئۆيۈم بولسۇن دەپ تاللاپ، ئۆز نام-شەرىپىم ئۈچۈن مەڭگۈلۈك مۇقەددەس قىلدىم. كۆزۈم ۋە قەلبىم ھەمىشە مۇشۇ يەردە بولىدۇ. ئەگەر سەن ئالدىمدا ئاتاڭ داۋۇتقا ئوخشاش ئىش-ئەمەللەرنى قىلساڭ، ئەمرلىرىمنىڭ ھەممىسىگە ئىخلاس قىلىپ، قانۇن-نىزاملىرىمغا ئەمەل قىلساڭ، ئاتاڭ داۋۇتقا: «ئىسرائىللارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭدىن ئادەم كەم بولمايدۇ» دېگىنىمدەك، سېنىڭ تەختىڭنى مۇستەھكەم قىلىمەن. ئەمما سىلەر مەندىن يۈز ئۆرۈپ، مېنىڭ يولۇمنى تۇتمىساڭلار، سىلەرگە بېكىتكەن قانۇن-نىزاملىرىمنى تەرك ئەتسەڭلار، ساختا ئىلاھلارنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولساڭلار ۋە ئۇلارغا چوقۇنساڭلار، مەن سىلەرنى سىلەرگە بەرگەن بۇ زېمىندىن يۇلۇۋېتىمەن، ھەتتا ئۆز نام-شەرىپىم ئۈچۈن مۇقەددەس قىلغان بۇ ئىبادەتخانىنىمۇ كۆزۈمدىن يوقىتىمەن. ئۇ جىمى خەلقلەر ئالدىدا ئىزا-ئاھانەت ۋە كۈلكىگە قالىدۇ. ھازىر ئۇلۇغلىنىۋاتقان بۇ ئىبادەتخانا شۇ ۋاقىت كەلگەندە، ئۆتكەن-كەچكەنلەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇلار: «پەرۋەردىگار نېمىشقا بۇ زېمىننى ۋە ئىبادەتخانىنى بۇ ھالغا كەلتۈرۈپ قويغاندۇ؟» دەپ سورىشىدۇ. كىشىلەر: «چۈنكى ئۇلار، ئاتا-بوۋىلىرى ئېتىقاد قىلغان ۋە ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگارى خۇدادىن ۋاز كېچىپ، ساختا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقان ۋە ئۇلارغا چوقۇنغان، شۇڭا پەرۋەردىگار بۇ پۈتكۈل بالايىئاپەتنى ئۇلارنىڭ بېشىغا ياغدۇرغان» دەپ جاۋاب بېرىشىدۇ. سۇلايمان پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى بىلەن ئۆزىنىڭ ئوردىسىنى سالدۇرۇشقا 20 يىل سەرپ قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، سۇلايمان تىر پادىشاھى ھىرام بەرگەن شەھەرلەرنى مۇستەھكەملەپ، ئۇلارغا ئىسرائىللارنى ئورۇنلاشتۇردى. سۇلايمان خامات-زوباھ پادىشاھلىقىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئىشغال قىلدى. ئۇ چۆلگە جايلاشقان تادمور ۋە ئۆزى بۇرۇن ئامبار قۇرغان خاماتتىكى ھەممە شەھەرلەرنى مۇستەھكەملىدى. سۇلايمان پادىشاھ ئۈستۈن بەيت-خورون ۋە ئاستىن بەيت-خورون شەھەرلىرىنىڭ سېپىللىرىنى كېڭەيتىپ قۇردى ۋە ئۇلارغا بالداقلىق دەرۋازىلارنى ئورنىتىپ، مۇستەھكەملىدى. ئۇ يەنە بائالات شەھىرىنى مۇستەھكەملىدى. ئۇ يەنە ئامبارلىرى، جەڭ ھارۋىلىرى، ھارۋىلىق لەشكەرلىرى جايلاشقان شەھەرلەرنى مۇستەھكەملىدى ھەمدە يېرۇسالېمدا، لىۋان تاغلىرىدا ۋە ئۆزى ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ھەرقايسى جايلاردا نېمىنى قۇرۇشنى خالىسا، شۇنى قۇردى. سۇلايمان ئىسرائىللاردىن بولمىغان خىتلار، ئامورلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلاردىن قېلىپ قالغانلارنى ھاشارغا تۇتتى. ئىسرائىللار ئۇلارنى يوقىتىۋەتمىگەنلىكتىن، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ بىر قىسمى ھېلىمۇ شۇ زېمىندا ياشىماقتا ئىدى. سۇلايمان پادىشاھ ئۇلارنى ھاشارغا سالغان بولۇپ، ئۇلار تاكى ھازىرغىچە ھاشارچى بولۇپ ياشىماقتا. سۇلايمان پادىشاھ ئىسرائىللارنى قۇرۇلۇش ئۈچۈن ھاشارغا سالماي، ئۆزىگە لەشكەر، لەشكەر بېشى، جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سەركەردىلىرى ۋە ھارۋىلىق لەشكەرلىرى قىلدى. سۇلايمان پادىشاھنىڭ خەلقلەرنى نازارەت قىلىدىغان 250 نەپەر ئەمەلدارلىرى بار ئىدى. سۇلايمان ئايالى بولغان پىرئەۋننىڭ قىزىنى «داۋۇت شەھىرى»دىن ئۇنىڭ ئۈچۈن سالدۇرغان سارايغا كۆچۈرۈپ كەلدى. چۈنكى سۇلايمان: «‹داۋۇت شەھىرى› پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ساقلانغان مۇقەددەس جايدۇر، شۇڭا ئايالىم ئىسرائىلىيە پادىشاھى داۋۇتنىڭ ئوردىسىدا تۇرسا بولمايدۇ،» دېدى. سۇلايمان ئىبادەتخانىنىڭ ئايۋانى ئالدىدا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سالدۇرغان قۇربانلىق سۇپىسىدا پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق تەقدىم قىلدى. مۇسانىڭ بېكىتكىنى بويىچە دەم ئېلىش كۈنلىرى، يېڭى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنلىرى، ئۈچ ھېيتتا، يەنى پېتىر نان ھېيتى، ئورما ھېيتى، كەپە تىكىش ھېيتىدا قۇربانلىق قىلىدىغان بولدى. سۇلايمان ئاتىسى داۋۇتنىڭ ھايات ۋاقتىدا بۇيرۇغىنى بويىچە روھانىيلارغا خىزمەت تەقسىملىدى ۋە لاۋىيلارنىڭ خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى بەلگىلىدى. لاۋىيلار مەدھىيە ئوقۇيدىغان ۋە روھانىيلارنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە ياردەمدە بولىدىغان بولدى. دەرۋازىۋەنلەرنى ھەر كۈنلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرى بويىچە ھەرقايسى دەرۋازىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ چىقتى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى داۋۇت بەلگىلىگەنىدى. داۋۇت پادىشاھنىڭ روھانىيلار، لاۋىيلار، شۇنداقلا ئامبار ۋە باشقا خىزمەتلەر ھەققىدىكى كۆرسەتمىلىرىنىڭ ھەممىسى شۇ بويىچە ئىجرا قىلىندى. پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئۇل قويغاندىن باشلاپ تاكى قۇرۇلۇش تاماملانغۇچە بولغان ئارىلىقتىكى سۇلايماننىڭ نىيەت قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئوڭۇشلۇق ئەمەلگە ئاشتى. شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى پۈتتى. شۇ چاغلاردا سۇلايمان يەنە ئىدومدىكى قىزىل دېڭىز بويىدىكى ئەزيون-گەبەر ۋە ئېلاتقا باردى. ھىرام پادىشاھ ئەمەلدارلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كېمىلىرى ۋە تەجرىبىلىك دېڭىزچىلىرىنى سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئادەملىرى بىلەن بىرگە ئوفىر زېمىنىغا ئەۋەتتى. ئۇلار ئۇ يەرگە بېرىپ، 15 توننا ئالتۇننى سۇلايمان پادىشاھقا ئېلىپ كەلدى. شىبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايمان پادىشاھنىڭ داڭ چىقارغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنى قىيىن سوئاللار بىلەن سىناپ بېقىش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا زىيارەتكە كەلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ نۇرغۇن ھەمراھلىرىنى ئېلىپ، تۆگىلەرگە ئىنتايىن كۆپ خۇشبۇي ئەشيالار، ئالتۇن ۋە ئېسىل تاشلارنى ئارتىپ، يېرۇسالېمغا كەلگەنىدى. ئۇ سۇلايمان پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن كۆڭلىگە پۈكۈپ قويغان قىيىن سوئاللارنىڭ ھەممىسىنى سورىدى. سۇلايمان ئۇنىڭ سوئاللىرىنىڭ ھەممىسىگە جاۋاب بەردى، ئۇنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشتە بىرەر قېتىممۇ قىينالمىدى. شىبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايماندىكى دانالىق ۋە ئۇ قۇرغان ئوردا-سارايلار، شىرەگە تىزىلغان نازۇنېمەتلەر، ئەمەلدارلارنىڭ ئۆز مەنسەپلىرى بويىچە ئولتۇرۇشلىرى، خىزمەتكارلارنىڭ كۈتۈشلىرى، ئۇلارنىڭ كىيىنىشلىرى، پادىشاھنىڭ ساقىيلىرى، ئۇلارنىڭ كىيىنىشلىرى ۋە سۇلايمان پادىشاھنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا سۇنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنى كۆرۈپ، ناھايىتى ھەيران قالدى ۋە پادىشاھقا مۇنداق دېدى: _ مەن ئۆز مەملىكىتىمدە ئۆزلىرى قىلغان ئىشلار ۋە دانالىقلىرى توغرۇلۇق ئاڭلىغانلىرىم راست ئىكەن. مەن ئىلگىرى خەلقلەرنىڭ بۇ گەپلىرىگە ئانچە ئىشەنمەپتىكەنمەن، بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىنلا ئاڭلىغانلىرىمنىڭ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنلىرىمنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ دانالىقلىرىنىڭ ئاڭلىغانلىرىمدىن كۆپ زىيادە ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە يانلىرىدىكى خىزمەتكارلىرى ھەمىشە ئالدىلىرىدا تۇرۇپ، ھېكمەتلىرىنى ئاڭلىيالايدىكەن، ئۇلار نەقەدەر بەختلىك-ھە! پەرۋەردىگارلىرى خۇداغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! پەرۋەردىگار ئۆزلىرىدىن سۆيۈنۈپ، سىلىنى ئۆز ۋەكىلى سۈپىتىدە تەختىگە ئولتۇرغۇزغانىكەن. خۇدالىرىنىڭ ئىسرائىللارغا بولغان مۇھەببىتى مەڭگۈلۈك ئىكەن. ئۇ ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ مەڭگۈلۈك بولۇشى، سىلىنىڭ ئادىل ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىشلىرى ئۈچۈن سىلىنى ئۇلارنىڭ پادىشاھى قىلىپ تىكلىگەنىكەن. شىبانىڭ ئايال پادىشاھى سۇلايمان پادىشاھقا تۆت توننا ئالتۇن، نۇرغۇنلىغان خۇشبۇي ئەشيالار ۋە ئېسىل تاشلارنى تەقدىم قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، سۇلايمان پادىشاھقا شىبانىڭ ئايال پادىشاھى تەقدىم قىلغاندەك، ئۇنچىلىك يۇقىرى سۈپەتلىك خۇشبۇي ئەشيالارنى ھېچكىم تەقدىم قىلىپ باقمىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ھىرام پادىشاھنىڭ ۋە سۇلايماننىڭ ئوفىردىن ئالتۇن ئېلىپ كېلىدىغان ئادەملىرى يەنە ئېسىل ياغاچ ۋە تاشلارنى ئېلىپ كەلدى. سۇلايمان پادىشاھ ئاشۇ ئېسىل ياغاچتىن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ۋە ئۆز ئوردىسىنىڭ پەلەمپەيلىرىنى ھەم ناخشىچىلار ئۈچۈن لىرا ۋە چىلتارلارنى ياساتقۇزدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن يەھۇدىيە زېمىنىدا ھېچكىم بۇنداق ئېسىل پەلەمپەي ۋە سازلارنى كۆرۈپ باقمىغانىدى. سۇلايمان پادىشاھ شىبانىڭ ئايال پادىشاھىغا سورىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بەردى، ئۇنىڭغا ئېلىپ كەلگىنىدىن زىيادە سوۋغات بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئايال پادىشاھ خىزمەتكارلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، ئۆز ئېلىگە قايتىپ كەتتى. سۇلايمان پادىشاھقا ھەر يىلى 23 توننا ئالتۇن كېلىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەنە سودىگەرلەر ۋە تىجارەتچىلەردىن، ئەرەب پادىشاھلىرى ۋە ئۆز پادىشاھلىقى ئىچىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىنمۇ ئالتۇن-كۈمۈش تاپشۇرۇپ ئالاتتى. سۇلايمان پادىشاھ ياغاچتىن 200 دانە چوڭ قالقان ياسىتىپ، ھەربىرىگە يەتتە كىلودىن ئالتۇن قاپلاتتى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە ھەربىرىگە ئۈچ يېرىم كىلودىن ئالتۇن قاپلانغان كىچىك قالقاندىن 300نى ياسىتىپ، ھەممىسىنى «لىۋان ئورمىنى سارىيى»غا جايلاشتۇردى. سۇلايمان پادىشاھ يەنە پىل چىشى ۋە ساپ ئالتۇندىن بېزەلگەن چوڭ بىر تەخت ياساتتى. تەختكە چىقىدىغان ئالتە پەلەمپەي ۋە تەختنىڭ تۈۋىدە ئالتۇندىن ياسالغان پۇت قويغۇچ بار ئىدى. ئىككى تەرىپىدە بىردىن قول قويغۇچ بار ئىدى. قول قويغۇچنىڭ يېنىدا بىردىن ئۆرە تۇرغان شىرنىڭ ھەيكىلى بار ئىدى. ئالتە پەلەمپەينىڭ ھەربىرىنىڭ ئىككى تەرىپىدە بىردىن، جەمئىي 12 شىرنىڭ ھەيكىلى بار بولۇپ، باشقا ھېچقانداق پادىشاھلىقنىڭ تەختى بۇنداق ھەيۋەتلىك بېزەلگەن ئەمەس ئىدى. سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئىچىملىك ئىچىدىغان قاچا-قۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئالتۇندىن ئىدى. «لىۋان ئورمىنى سارىيى» ئىچىدىكى بۇيۇملارنىڭ ھەممىسى كۈمۈشتىن ئەمەس، بەلكى ساپ ئالتۇندىن ئىدى. سۇلايمان پادىشاھنىڭ دەۋرىدە كۈمۈش ئەرزىمەس نەرسە بولۇپ قالغانىدى. سۇلايمان پادىشاھنىڭ كېمىلىرى بىلەن ھىرام پادىشاھنىڭ دېڭىزچىلىرى بىرلىكتە تارشىشقا بېرىپ، ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم ئالتۇن-كۈمۈش، پىل چىشى، ئىت باش مايمۇن ۋە باشقا مايمۇنلارنى ئەكېلىپ تۇراتتى. سۇلايمان پادىشاھنىڭ بايلىقى ۋە دانالىقى دۇنيادىكى باشقا بارلىق پادىشاھلارنىڭكىدىن ئېشىپ كەتكەنىدى. دۇنيادىكى پادىشاھلارنىڭ ھەممىسى سۇلايمان پادىشاھنىڭ ئالدىغا بەس-بەس بىلەن كېلىپ، خۇدا ئۇنىڭ كۆڭلىگە سالغان ھېكمەتلەرنى ئاڭلاشتى. ھەر يىلى كەلگەنلەر ھەر خىل تارتۇقلارنى، يەنى ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلار، تون-سەرپايلار، قورال-ياراغلار، خۇشبۇي ئەشيالار، ئات ۋە قېچىر قاتارلىقلارنى ئېلىپ كېلەتتى. سۇلايمان پادىشاھنىڭ جەڭ ھارۋىلىرىنى قويىدىغان ئاتخانىلىرىدىن تۆت مىڭى ۋە ئاتلاردىن 12 مىڭى بار ئىدى. ئۇ، جەڭ ھارۋىلىرىنى ۋە ئاتلىرىنى جەڭ ھارۋىلىرى تۇرىدىغان شەھەرلەرگە ۋە ئۆزى تۇرىدىغان يېرۇسالېمغا جايلاشتۇردى. سۇلايمان فىرات دەرياسىدىن تارتىپ فىلىستىيەلىكلەر زېمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا تاكى مىسىر چېگراسىغىچە بولغان پۈتۈن پادىشاھلىقلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. سۇلايمان پادىشاھ يېرۇسالېمدا كۈمۈشنى خۇددى تاشتەك، كېدىر ياغىچىنى خۇددى غەربىي ئېدىرلىقتىكى ياۋا ئەنجۈر دەرەخلىرىدەك كۆپەيتىۋەتتى. سودىگەرلەر سۇلايمان ئۈچۈن مىسىر ۋە باشقا دۆلەتلەردىن ئاتلارنى كەلتۈرەتتى. سۇلايمان پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ناتان پەيغەمبەرنىڭ تەزكىرىسى، شىلولۇق ئاخىيا پەيغەمبەرنىڭ بېشارەتنامىسى ۋە نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئام ھەققىدە غايىبنى بىلگۈچى ئىددو يازغان ۋەھىينامىگە پۈتۈلگەندۇر. سۇلايمان يېرۇسالېمدا پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە 40 يىل پادىشاھ بولدى. سۇلايمان ۋاپات بولۇپ، ئاتىسى داۋۇتنىڭ نامىدا ئاتالغان «داۋۇت شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى. ئوغلى رىخوبئام ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى. بارلىق ئىسرائىل خەلقى رىخوبئامنى پادىشاھ قىلىش ئۈچۈن شەكەم شەھىرىگە توپلاندى. رىخوبئاممۇ ئۇ يەرگە كەلدى. نىباتنىڭ مىسىردا تۇرۇۋاتقان ئوغلى ياروبئام بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تېپىپ، مىسىردىن ئىسرائىلىيەگە قايتىپ كەلدى. ئۇ سۇلايمان پادىشاھنىڭ ۋاقتىدا سۇلايماندىن قېچىپ، مىسىرغا كەتكەنىدى. شىمالدىكى ئىسرائىل خەلقى ياروبئامنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە رىخوبئامنىڭ قېشىغا كەلدى. ئۇلار رىخوبئامغا: _ ئاتىلىرى سۇلايمان پادىشاھ بىزگە ئېغىر ئالۋان-ياساق سالغانىدى. ئەمدى بىز سىلىدىن ئاتىلىرى بىزگە سالغان ئېغىر بويۇنتۇرۇقلارنى ئېلىۋېتىشلىرىنى ئۆتۈنىمىز. شۇنداق قىلسىلا، سىلىنىڭ خىزمەتلىرىدە بولىمىز، _ دېيىشتى. _ سىلەر ئىككى كۈندىن كېيىن مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كېلىڭلار، _ دېدى رىخوبئام. شۇنىڭ بىلەن خەلق قايتىپ كېتىشتى. پادىشاھ رىخوبئام ئاتىسى سۇلايمان ھايات چېغىدا ئۇنىڭ ئالدىدا خىزمىتىنى قىلغان مويسىپىتلاردىن مەسلىھەت سوراپ: _ بۇ خەلققە قانداق جاۋاب بېرەي، _ دېدى. _ ئەگەر سىلى بۇ خەلققە ئىللىق مۇئامىلە قىلىپ، رازى بولغۇدەك ياخشى گەپلەرنى قىلسىلا، ئۇلار ھەمىشە سىلىنىڭ خىزمەتلىرىدە بولىدۇ، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى مويسىپىتلار. لېكىن رىخوبئام مويسىپىتلارنىڭ مەسلىھەتىنى قوبۇل كۆرمەي، ئۆزى بىلەن بىللە ئۆسۈپ چوڭ بولغان، ئۆزىنىڭ خىزمىتىدە بولۇۋاتقان ياشلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇلاردىن: _ خەلق ماڭا: «ئاتىلىرى بىزگە سالغان ئېغىر بويۇنتۇرۇقنى ئېلىۋېتىشلىرىنى ئۆتۈنىمىز» دېيىشىۋاتىدۇ. بۇ خەلققە قانداق جاۋاب بەرسەك بولار؟ سىلەرنىڭ مەسلىھەتىڭلار قانداق؟ _ دەپ سورىدى. ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە چوڭ بولغان ياشلار ئۇنىڭغا: _ بۇ خەلق ئۆزلىرىگە: «ئاتىلىرى بىزنىڭ بويۇنتۇرۇقىمىزنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەنىدى، لېكىن سىلىنىڭ ئۇنى ئېلىۋېتىشلىرىنى ئۆتۈنىمىز» دەپتۇ. ئەمدى سىلى ئۇلارغا: «مېنىڭ چىمچىلىقىم ئاتامنىڭ بېلىدىنمۇ توم! ئاتام سىلەرگە ئېغىر بويۇنتۇرۇق سالغان بولسا، مەن ئۇنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىمەن. ئاتام سىلەرنى قامچا بىلەن ساۋىغان بولسا، مەن سىلەرنى چايانلارغا چاقتۇرىمەن» دېسىلە، _ دەپ جاۋاب بەردى. رىخوبئام پادىشاھنىڭ «ئىككى كۈندىن كېيىن كېلىپ، مەن بىلەن كۆرۈشۈڭلار» دېگىنى بويىچە، ياروبئام خەلق بىلەن بىللە دېگەن پەيتتە رىخوبئام پادىشاھ بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى. رىخوبئام پادىشاھ ئۇلارغا كەسكىن جاۋاب بەردى. ئۇ مويسىپىتلارنىڭ مەسلىھەتىگە پىسەنت قىلماي، بەلكى ياشلارنىڭ بەرگەن مەسلىھەتى بويىچە ئۇلارغا: _ مەن سىلەرنىڭ بويۇنتۇرۇقۇڭلارغا قوشۇپ، ئۇنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىمەن. ئاتام سىلەرنى قامچا بىلەن ساۋىغان بولسا، مەن سىلەرنى چايانلارغا چاقتۇرىمەن! _ دېدى. شۇنداق قىلىپ پادىشاھ رىخوبئام ئاممىنىڭ ئۆتۈنۈشىگە قۇلاق سالمىدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار شىلولۇق ئاخىيا ئارقىلىق نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامغا ئېيتقان ئۆزىنىڭ سۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يول ھازىرلىدى. شىمالىي قەبىلىلەردىن كەلگەن ئىسرائىللار پادىشاھ رىخوبئامنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۆتۈنۈشلىرىنى ئاڭلىمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا: «يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ بىزگە ئۆتكۈزۈپ قويغىنى يوق، بىز ئۇنىڭغا قەرزدار ئەمەس. ھەي ئىسرائىللار، ئۆيلىرىمىزگە قايتايلى! ئەي داۋۇتنىڭ ئەۋلادى، ئۆز خانىدانلىقىڭلارغا ئۆزۈڭلار ئىگە بولۇڭلار!» دېيىشىپ، ھەممىسى ئۆيلىرىگە قايتىشتى. (ئەمما رىخوبئام يەھۇدا شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان شىمالدىن كەلگەن ئىسرائىللارغا يەنىلا پادىشاھ بولۇپ قېلىۋەردى.) رىخوبئام پادىشاھ ھاشارچىلارنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئادورامنى ئىسرائىللارنىڭ شىمالدىكى قەبىلىلىرىگە ئەۋەتكەنىدى، ئۇلار ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. رىخوبئام پادىشاھ ئالدىراپ-تېنەپ ھارۋىسىغا چىقىپ، يېرۇسالېمغا قېچىپ كېلىۋالدى. شۇنىڭدىن تارتىپ شىمالدىكى ئىسرائىللار تاكى ھازىرغىچە داۋۇت خانىدانلىقى بىلەن قارشىلىشىپ كەلدى. _ سەن بېرىپ، سۇلايماننىڭ ئوغلى يەھۇدىيە پادىشاھى رىخوبئامغا ۋە پۈتۈن يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىگە: «پەرۋەردىگار سىلەرگە: ‹سىلەر قېرىندىشىڭلار بىلەن ئۇرۇش قىلساڭلار بولمايدۇ. ھەممىڭلار ئۆيۈڭلارغا قايتىڭلار! چۈنكى بۇ ئىش مەندىن بولدى› دەيدۇ» دېگىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە ئىتائەت قىلىپ، ياروبئامغا قارشى ئۇرۇش قىلىشتىن ۋاز كەچتى. رىخوبئام يېرۇسالېمدا ياشىدى. ئۇ يەھۇدىيەدىكى شەھەرلەرنىڭ مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملىدى. ئۇ بەيتلەھەم، ئېتام، تىقوۋا، بەيتزۇر، سوكوھ، ئادۇللام، گات، مارېشا، زىف، ئادورايىم، لاكىش، ئازېقا، زورئاھ، ئاييالون ۋە ھىبرون شەھەرلىرىنى ئوڭشىدى. بۇلار يەھۇدا ۋە بىنيامىن تەۋەلىكىدىكى مۇستەھكەم شەھەرلەرگە ئايلاندى. رىخوبئام شەھەرلەرنىڭ سېپىللىرىنى مۇستەھكەملەپ، سەركەردىلەرنى ئەۋەتتى. شەھەرلەرنى يېمەك-ئىچمەك، زەيتۇن يېغى، شارابلار بىلەن تەمىنلىدى. ھەرقايسى شەھەرگە قالقان ۋە نەيزىلەرنى توپلاپ، شەھەر مۇداپىئەسىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنى ئۇنىڭ قولىدا قالدى. ئىسرائىلىيەنىڭ ھەممە يەرلىرىدىكى روھانىيلار ۋە لاۋىيلار رىخوبئامنىڭ تەرەپدارلىرى بولدى. ئۇلار ھەتتا ئۆي ۋە زېمىنلىرىنى تاشلاپ، يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا يەرلىرىگە كۆچۈپ كەلدى. چۈنكى ياروبئام ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۇلارنىڭ روھانىي بولۇپ، پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىشىغا يول قويمىغانىدى. ياروبئام غەيرىي سەجدىگاھلارغا روھانىيلارنى تەيىنلىدى. ئۇلار ياروبئام ياساتقان تېكە ۋە موزاي بۇتلارغا خىزمەت قىلاتتى. ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنىڭ ئىچىدىكى پەرۋەردىگار خۇداغا چىن يۈرىكىدىن تەلپۈنىدىغانلار لاۋىيلارغا ئەگىشىپ، يېرۇسالېمغا كەلدى. چۈنكى ئۇلار ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇداغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلماقچىدى. ئۇلار يەھۇدىيە پادىشاھلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، سۇلايماننىڭ ئوغلى رىخوبئامغا ئۈچ يىل سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلدى. ئۇلار بۇ جەرياندا داۋۇت ۋە سۇلايمان يولغا قويغان نىزاملارغا رىئايە قىلدى. رىخوبئام داۋۇتنىڭ ئوغلى يىرىموتنىڭ قىزى ماخالاتقا ئۆيلەندى. ماخالاتنىڭ ئانىسى ئابىھايىل يىشاينىڭ ئوغلى بولغان ئەلىئابنىڭ قىزى ئىدى. ماخالات رىخوبئامغا يىئۇش، شىماريا، زاھام ئىسىملىك ئوغۇللارنى تۇغۇپ بەردى. كېيىن رىخوبئام ئابسالومنىڭ قىزى مائاكانى خوتۇنلۇققا ئالدى. ئۇ ئابىيا، ئاتتاي، زىزا ۋە شىلومىتنى تۇغدى. رىخوبئامنىڭ جەمئىي 18 خوتۇنى، 60 توقىلى، 28 ئوغلى، 60 قىزى بار ئىدى. رىخوبئام خوتۇن ۋە توقاللىرىنىڭ ئىچىدە مائاكانى ئەڭ ياخشى كۆرەتتى. شۇڭا ئۇ ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان ئابىيانى شاھزادىلەرنىڭ ئىچىدىن ۋەلىئەھد قىلىپ تەيىنلىدى. رىخوبئام ئاقىلانە ئىش قىلىپ، باشقا شاھزادىلەرنىڭ بەزىلىرىنى يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنلىرىدىكى ھەرقايسى مۇستەھكەم شەھەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى يېتەرلىك تەمىنات ۋە خوتۇن، توقاللارغا ئىگە قىلدى. رىخوبئام ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، پادىشاھلىقىنى كۈچەيتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنلىرىنى تاشلىۋەتتى. خەلقمۇ ئۇنىڭغا ئەگەشتى. يەھۇدىيەلىكلەر پەرۋەردىگارغا بولغان ساداقىتىنى يوقاتقانلىقى ئۈچۈن، رىخوبئام پادىشاھنىڭ بەشىنچى يىلى مىسىر پادىشاھى شىشاقنىڭ يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىشىغا يول قويۇلدى. شىشاق مىسىردىن 1200 جەڭ ھارۋىسى، 60 مىڭ ھارۋىلىق لەشكەر ۋە سان-ساناقسىز لىۋىيەلىك، سۇكلار ۋە كۇشلارنى باشلاپ كەلگەنىدى. ئۇ يەھۇدىيەنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرىنى ئىشغال قىلىپ، ئۇدۇل يېرۇسالېمغا قىستاپ كەلدى. شۇ ۋاقىتتا يەھۇدىيەنىڭ يېتەكچىلىرى شىشاقتىن قورقۇپ، يېرۇسالېمغا يىغىلغانىدى. شىمايا پەيغەمبەر رىخوبئام ۋە يېتەكچىلىرىگە مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار دەيدۇكى، سىلەر مېنى تاشلىۋەتكەچكە مەنمۇ سىلەرنى تاشلىۋېتىپ، سىلەرنى پادىشاھ شىشاقنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردىم. رىخوبئام ۋە يېتەكچىلەرمۇ بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، گۇناھلىرىنى تونۇپ، مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار ئادالەتلىكتۇر. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ كەمتەرلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، پەيغەمبەر شىمايا ئارقىلىق ئۇلارغا مۇنداق ۋەھىي چۈشۈردى: _ ئۇلار كەمتەرلىك قىلغانىكەن، ئۇلارنى يوقاتماي، ئۇلارغا پات يېقىندا بىر ھاياتلىق يولى بېرىمەن. مەن يېرۇسالېمغا غەزىپىمنى شىشاق ئارقىلىق چاچمايمەن. لېكىن مەن ئۇلارنى شىشاققا بويسۇندۇرۇپ بېرىمەن. شۇنداق قىلسام، ئۇلار ماڭا ئىتائەت قىلىش بىلەن باشقا پادىشاھلارغا خىزمەت قىلىشنىڭ پەرقىنى بىلىۋالسۇن. مىسىر پادىشاھى شىشاق يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ۋە پادىشاھ ئوردىسىدىكى بايلىقلاردىن تارتىپ، ھېچ نەرسىنى چالا قويماي بۇلاپ كەتتى. سۇلايمان پادىشاھ ياساتقان ئالتۇن قالقانلارنىڭمۇ ھەممىسىنى ئېلىپ كەتتى. كېيىن رىخوبئام پادىشاھ ئاشۇ ئالتۇن قالقانلارنىڭ ئورنىغا تۇچ قالقانلارنى ياسىتىپ، ئوردا دەرۋازىسىغا قارايدىغان قاراۋۇللار باشلىقلىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇردى. پادىشاھ ھەر قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا بارغاندا، قاراۋۇللار بۇ قالقانلارنى كۆتۈرۈپ ماڭاتتى، ئاندىن كېيىن يەنە بۇ قالقانلارنى قورال ئامبىرىغا قويۇپ قوياتتى. رىخوبئام گۇناھلىرىنى تونۇغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بېسىقىپ، ئۇنى پۈتۈنلەي يوقاتمىدى. شۇنداق قىلىپ، يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ ئەھۋالى بىر ئاز ياخشىلاندى. رىخوبئام پادىشاھ ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يېرۇسالېمدا داۋاملىق پادىشاھ بولدى. ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 41 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 17 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. يېرۇسالېم شەھىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن پۈتۈن ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ شەھەرلىرى ئارىسىدىن تاللىغان شەھەر ئىدى. رىخوبئامنىڭ ئانىسى ئاممونلۇق بولۇپ، ئىسمى نائاما ئىدى. رىخوبئام پەرۋەردىگارغا چىن قەلبىدىن ئىنتىلمەي، يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. رىخوبئام پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى شىمايا پەيغەمبەر پۈتكەن تەزكىرىگە ۋە غايىبنى بىلگۈچى ئىددو پۈتكەن تەزكىرىگە پۈتۈلگەندۇر. بۇلار نەسەبنامىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. يەھۇدىيە پادىشاھى رىخوبئام بىلەن ئىسرائىلىيە پادىشاھى ياروبئام ئوتتۇرىسىدا ئىزچىل ئۇرۇش بولۇپ تۇردى. رىخوبئام ۋاپات بولۇپ، «داۋۇت شەھىرى»گە دەپنە قىلىندى. رىخوبئامنىڭ ئوغلى ئابىيا ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى ياروبئامنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 18-يىلى ئابىيا يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئۈچ يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى مائاكا بولۇپ، گىبئاھ شەھىرىدىكى ئۇرىئېلنىڭ قىزى ئىدى. ئابىيا بىلەن ياروبئام ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولدى. ئابىيا 400 مىڭ خىللانغان لەشكەر بىلەن ھۇجۇمغا ھازىرلاندى. ياروبئام 800 مىڭ خىللانغان لەشكەر بىلەن سەپ تۈزۈپ، جەڭگە تەييار بولدى. ئابىيا ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى زىمارايىم تېغىدا تۇرۇپ، مۇنداق دېدى: _ ئەي ياروبئام ۋە پۈتۈن ئىسرائىلىيەلىكلەر، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار. ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ سىلەر بىلەن بىكار قىلىشقا بولمايدىغان مەڭگۈلۈك ئەھدە تۈزۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىقىنى داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا بەرگەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟ شۇنداق بولسىمۇ، نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئام ئەسلى داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايماننىڭ خىزمەتكارى بولۇپ تۇرۇقلۇق، خوجايىنىغا ئاسىيلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئەتراپىغا بىر تۈركۈم يارىماس لۈكچەكلەر يىغىلىپ، سۇلايماننىڭ ئوغلى رىخوبئام بىلەن قارشىلاشتى. ئۇ چاغدا رىخوبئام تېخى ياش، تەجرىبىسىز بولۇپ، قارشى تۇرۇشقا كۈچى يوق ئىدى. ھازىر سىلەر داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان پەرۋەردىگارنىڭ پادىشاھلىقىغا قارشى تۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىسىلەر. ئەجەبا سىلەر ئادەملىرىمىز كۆپ، ھەم ياروبئام ياساپ بەرگەن ئالتۇن موزاي ئىلاھلىرىمىز بار، دەپ ئويلامسىلەر؟ سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيسى بولغان ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن لاۋىيلارنى ھەيدىۋېتىپ، يات خەلقلىرىنىڭ يامان ئادەتلىرى بويىچە ئۆزۈڭلارغا روھانىي تىكلىدىڭلار. ھەرقانداق بىر ئادەم بىر تۇياق بۇقا ۋە يەتتە تۇياق قوچقار ئەكەلسىلا، ئۇ ساختا ئىلاھلارنىڭ روھانىيسى بولالايدۇ. بىزگە كەلسەك، پەرۋەردىگار بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر، بىز ئۇنى تاشلىۋەتمىدۇق. ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىۋاتقان روھانىيلىرىمىز يەنىلا ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. لاۋىيلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ۋەزىپىلىرىنى ئۆتەۋاتىدۇ. ئۇلار ھەر كۈنى ئەتىگەندە ۋە كەچتە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ، خۇشبۇي ئىسرىق سېلىپ، نانلارنى پاكلانغان شىرەگە دەستىلەپ قويۇپ، ھەر كۈنى كەچتە ئالتۇن چىراغداننىڭ چىراغلىرىنى ياندۇرۇۋاتىدۇ. بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىمىز، سىلەر ئۇنى تاشلىۋەتتىڭلار. خۇدا بىزگە ياردۇر، ئۇ بىزنى باشلايدۇ. ئۇنىڭ روھانىيلىرى سىلەرگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ كانىيىنى چېلىپ، چاقىرىق قىلىدۇ. ئەي ئىسرائىلىيەلىكلەر، ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدا بىلەن قارشىلاشماڭلار، سىلەر غەلىبە قىلالمايسىلەر. ياروبئام بىر قىسىم لەشكەرلىرىنى يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ ئارقىسىغا ئەۋەتىپ، بۆكتۈرمە قويغانىدى. ياروبئامنىڭ قوشۇنلىرى يەھۇدىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئالدىدا، بۆكتۈرمە قوشۇن كەينىدە ئىدى. يەھۇدىيەلىكلەر ئالدى-ئارقىسىدا دۈشمەن بارلىقىنى بايقاپ، پەرۋەردىگاردىن يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ياردەم تەلەپ قىلدى. روھانىيلار كانايلىرىنى ھۇجۇم قىلىشقا چالدى، يەھۇدىيەلىكلەر نەرە تارتتى. شۇ پەيتتە خۇدا ياروبئام ۋە ئىسرائىلىيەلىكلەرنى ئابىيا ۋە يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ قىلدى. ئىسرائىلىيەلىكلەر يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ ئالدىدىن قاچتى. خۇدا ئۇلارنى يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. ئابىيا ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى ئىسرائىللارنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ 500 مىڭ خىللانغان قوشۇنىنى پۈتۈنلەي قىرىپ تاشلىدى. شۇ كۈنى ئىسرائىللار مەغلۇپ بولدى، يەھۇدىيەلىكلەر ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇداغا تايانغانلىقى ئۈچۈن غەلىبە قىلدى. ئابىيا ياروبئامنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ بېرىپ، بەيتەل، يىشانا ۋە ئەفرون شەھەرلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارنى قولىغا كىرگۈزدى. ئابىيا ھايات ۋاقتىدا ياروبئام كۈچىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرەلمىدى. كېيىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ جازاسى بىلەن ئۆلدى. ئابىيا بارغانسېرى كۈچلەندى، ئۇنىڭ 14 نەپەر خوتۇن، توقاللىرى، 22 ئوغلى ۋە 16 قىزى بار ئىدى. ئابىيا پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ھەرىكەتلىرى، ئەمەللىرى ۋە سۆزلىرى ئىددو پەيغەمبەر پۈتكەن تەزكىرىگە پۈتۈلگەندۇر. ئاسا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە دۆلەتتە ئون يىل تىنچ-ئامانلىق بولدى. ئاسا پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نەزىرىدە ياخشى ھەم دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. غەيرىي سەجدىگاھلاردىكى يات خەلقلەرنىڭ ئىلاھىغا ئاتالغان قۇربانلىق سۇپىلىرىنى يوقاتتى، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلەرنى چاقتى، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى ۋەيران قىلدى. پادىشاھ ئاسا يەنە يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇداغا ئىنتىلىشكە ۋە ئۇنىڭ قانۇن ۋە ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشقا پەرمان چۈشۈردى. ئۇ يەھۇدىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى غەيرىي سەجدىگاھلار ۋە ئىسرىقدانلارنى ئېلىۋەتتى. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق مەزگىلىدە پادىشاھلىق تىنچ-ئامانلىقتا ئۆتتى. پادىشاھ ئاسا يەھۇدىيەنىڭ تىنچ-ئامانلىق مەزگىلىدە شەھەرلىرىنى مۇستەھكەملىدى. ئۇرۇش بولمىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا خاتىرجەملىك ئاتا قىلغانىدى. ئۇ يەھۇدىيەلىكلەرگە مۇنداق دېدى: _ بىز شەھەرلىرىمىزنى مۇستەھكەملەيلى، ئەتراپىغا سېپىل ۋە كۆزىتىش مۇنارلىرى ياسايلى، بالداقلىق دەرۋازىلارنى ئورنىتايلى. بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا ئىنتىلگەنلىكىمىز ئۈچۈن، بىز بۇ تۇپراقتا ياشاۋاتىمىز، پەرۋەردىگار چېگرالىرىمىزنى ئامان قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار شەھەرلەرنى مۇستەھكەملىدى، ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولدى. ئاسانىڭ يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان چوڭ قالقانلىق ۋە نەيزىلىك 300 مىڭ لەشكىرى، بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان كىچىك قالقانلىق ۋە ئوقيالىق 280 مىڭ لەشكىرى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى خىللانغان لەشكەرلەر ئىدى. كۇشتىن كەلگەن زەراخ 100 مىڭ كىشىلىك زور قوشۇن ۋە 300 جەڭ ھارۋىسى بىلەن يەھۇدىيەگە يېقىنلاپ، مارېشا شەھىرىگە بېسىپ كەلدى. ئاسا لەشكەرلىرى بىلەن دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇشقا ئاتلاندى. ئۇلار ئىككى تەرەپ مارېشا شەھىرىگە يېقىن يەردىكى زىفاتا جىلغىسىدا سەپ تارتىشتى. ئاسا پەرۋەردىگارى خۇدادىن مۇنداق دەپ ئۆتۈندى: _ ئى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا، پەقەت سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەنلا ئاجىزلار كۈچلۈكلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايدۇ. ئۆتۈنەي، بىزگە ياردەم قىلغايسەن. بىز ساڭىلا تايىنىمىز. سېنىڭ نامىڭ بىلەن بۇ چوڭ قوشۇنغا قارشى ئاتلاندۇق. ئى پەرۋەردىگار، سەن بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇرسەن. ئۇ ئادەملەرنىڭ ئۈستۈڭدىن غەلىبە قىلىشىغا يول قويمىغايسەن. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار كۇشلارنى ئاسا ۋە يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ قىلدى. كۇشلار قاچتى. ئاسا قوشۇنىنى باشلاپ، ئۇلارنى قوغلاپ، تاكى گىرارغىچە باردى. كۇشلار پەرۋەردىگار ۋە ئۇنىڭ قوشۇنىنىڭ ئالدىدا قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ، قىرىلىپ كەتتى، ھەتتا بىرەرسىمۇ قېچىپ قۇتۇلالمىدى. يەھۇدىيەلىكلەر ناھايىتى كۆپ مال-مۈلۈكنى ئولجا ئالدى. گىرار ئەتراپىدىكى شەھەرلەردىكى خەلقلەر پەرۋەردىگاردىن ۋەھىمىگە چۈشكەنلىكتىن، يەھۇدىيەلىكلەر ئۇ يەرلەرنىمۇ ھۇجۇم بىلەن ئالدى. شەھەرلەردە ناھايىتى كۆپ بايلىق بار ئىدى، ئۇلار ھەممىسىنى ئولجا ئالدى. ئۇلار يەنە پادىچىلارنىڭ چېدىرلىرىنى بۇزۇپ، نۇرغۇن قوي، ئۆچكە ۋە تۆگىلىرىنىمۇ ئولجا ئالدى، ئاندىن يېرۇسالېمغا قايتتى. ئودېدنىڭ ئوغلى ئازارياغا خۇدانىڭ روھى چۈشتى. ئازاريا ئاسا پادىشاھنى كۈتۈۋالغىلى چىقىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئاسا، يەھۇدالار ۋە بىنيامىنلار، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! سىلەر پەرۋەردىگار بىلەن بىللە بولساڭلار، ئۇمۇ سىلەر بىلەن بىرگە بولىدۇ. ئەگەر ئۇنى ئىزدىسەڭلار، تاپالايسىلەر. ئەگەر ئۇنى تاشلىساڭلار، ئۇمۇ سىلەرنى تاشلايدۇ. ئىسرائىللار ئۇزۇن ۋاقىت داۋامىدا ھەقىقىي خۇداسىز ياشىدى. ئۇلارغا تەلىم بېرىدىغان روھانىيلار يوق ئىدى. ئۇلار خۇدانىڭ قانۇنىدىن مەھرۇم قالغانىدى. لېكىن ئۇلار قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، ئۆزلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ يولىغا قايتتى. ئۇلار پەرۋەردىگارنى ئىزدىدى ۋە ئۇنى تاپتى. ئۇ چاغلاردا سەپەرگە چىقىش خەتەرلىك ئىدى، ھەممە يەرلەرنى قالايمىقانچىلىق قاپلىغانىدى. ئەل بىلەن ئەل، شەھەر بىلەن شەھەر بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلىشقانىدى. چۈنكى خۇدا ھەر خىل ئاپەتلەر بىلەن ئۇلارغا ئازاب سالغانىدى. لېكىن سىلەر قەيسەر بولۇڭلار. بوشاپ كەتمىسەڭلارلا، ئەجرىڭلارغا لايىق مۇكاپاتقا ئېرىشىسىلەر. پادىشاھ ئاسا ئودېدنىڭ ئوغلى ئازاريا پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ئىلھاملىنىپ، پۈتۈن يەھۇدا، بىنيامىن زېمىنلىرىدىكى ۋە ئەفرايىم تاغلىق رايونىغا جايلاشقان، ئۆزى تارتىۋالغان ھەرقايسى شەھەرلەردىكى يىرگىنچلىك بۇتلارنى ئالدۇرۇۋەتتى ھەمدە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدىكى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان قۇربانلىق سۇپىسىنى يېڭىلىدى. ئەينى چاغدا ئەفرايىم، ماناسسە، شىمون قەبىلىلىرىدىن بولغان نۇرغۇن كىشىلەر پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئاساغا يار بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىسرائىلىيەدىن ئايرىلىپ، ئاساغا قوشۇلدى ھەم يەھۇدىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالدى. ئاسا ئۇلارنى يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرى بىلەن بىرگە يىغدى. ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 15-يىلى باھار پەسلىنىڭ ئاخىرقى ئېيىدا ئۇلار يېرۇسالېمدا يىغىلدى. ئۇ كۈنى ئۇلار ئولجا ئالغان ماللار ئارىسىدىن 700 تۇياق كالا ۋە 7000 تۇياق قوينى پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلدى. ئۇلار يەنە ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇداغا چىن قەلبى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىنتىلىش ئۈچۈن خۇدا بىلەن تۈزگەن ئەھدىنى قايتىدىن مۇقىملىدى. كىمكى ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇداغا ئىنتىلمىسە، مەيلى قېرى-ياش بولسۇن، مەيلى ئەر-ئايال بولسۇن، ھەممىسى بىردەك ئۆلتۈرۈلىدىغان بولدى. ئۇلار خۇشاللىنىپ، يۇقىرى ئاۋازلىرى بىلەن پەرۋەردىگارغا قەسەم بەردى ھەم كاناي، بۇرغا چالدى. يەھۇدىيەلىكلەر بەرگەن قەسەملىرىدىن خۇشاللىققا چۆمدى. چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارغا قىزغىنلىق بىلەن قەسەم بېرىپ، ئۇنىڭغا چىن قەلبى بىلەن ئىنتىلگەنىدى. پەرۋەردىگار ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارغا ھەر تەرەپتە تىنچ-ئامانلىق ئاتا قىلدى. ئاسا پادىشاھ ھەتتا مومىسى مائاكانىڭ خان ئانىسى مەرتىۋىسىنى بىكار قىلدى. چۈنكى ئۇ ئىلاھە ئاشېرانىڭ بىر بەتبەشىرە بۇتىنى ياساتقانىدى. ئاسا ئۇ بەتبەشىرە بۇتنى چېپىپ يىقىتىپ، پارچىلاپ، ئۇنى قىدرون جىلغىسىدا كۆيدۈرۈۋەتتى. گەرچە غەيرىي سەجدىگاھلار ئىسرائىلىيەدىن يوقىتىۋېتىلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاسا ئۆمۈر بويى جان-دىلى بىلەن پەرۋەردىگارغا سادىق بولۇپ كەلدى. ئۇ ئاتىسى ۋە ئۆزى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان نەرسىلەرنى، يەنى ئالتۇن-كۈمۈش ۋە باشقا بۇيۇملارنى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا قويدى. ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 35-يىلىغىچە ئۇرۇش بولمىدى. ئاسانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 36-يىلى ئىسرائىلىيە پادىشاھى باشا يەھۇدىيەگە تاجاۋۇز قىلىپ، راماھنى بېسىۋالدى. ئۇ يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ زېمىنىغا ھېچكىمنىڭ كىرىپ-چىقماسلىقى ئۈچۈن، راماھ شەھىرىنىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاسا پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ۋە ئوردىدىكى خەزىنىلەردىن ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئېلىپ، ئۇلارنى دەمەشقتىكى ئاررام پادىشاھى بەنھادادقا مۇنۇ سۆزلەر بىلەن بىرگە ئەۋەتتى: «ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئوتتۇرىسىدا ئىتتىپاق بولغىنىدەك، ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدىمۇ بىر ئىتتىپاق بولسۇن. مانا بۇ ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى سىلىگە ئەۋەتتىم. ئىسرائىلىيە پادىشاھى باشا بىلەن تۈزگەن ئىتتىپاقلىرىنى بىكار قىلغايلا. شۇندىلا، ئۇ زېمىنىمدىن قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرىدۇ.» بەنھاداد پادىشاھ ئاسا پادىشاھنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۆز قوشۇنلىرىنىڭ سەركەردىلىرىنى ئىسرائىلىيە شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. ئۇلار ئىيون، دان، بەيت-مائاكادىكى ئابېل شەھەرلىرى ۋە نافتالى زېمىنىدىكى ئامبارلار جايلاشقان بارلىق شەھەرلەرنى ئىشغال قىلدى. باشا پادىشاھ بۇ ئىشلارنى ئاڭلاپلا، راماھ سېپىلىنى مۇستەھكەملەش ئىشىنى توختايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاسا پادىشاھ پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، باشا پادىشاھنىڭ راماھنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئىشلەتمەكچى بولغان ياغاچ-تاشلىرىنى يۆتكىگۈزدى ۋە بۇ ياغاچ-تاشلار بىلەن گىبئاھ ۋە مىزپاھ سېپىللىرىنى مۇستەھكەملىدى. شۇ ۋاقىتتا غايىبنى بىلگۈچى خانانى يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ سىز پەرۋەردىگارىڭىز خۇداغا تايانماي، دۈشمىنىڭىز بولغان ئاررام پادىشاھىغا تاياندىڭىز. بۇ سىزنى ئاررام پادىشاھىنىڭ قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. كۇشلار بىلەن لىۋىيەلىكلەردىن تۈزۈلگەن قوشۇنلار چوڭ قوشۇن ئەمەسمىدى؟ ئۇلارنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى، ھارۋىلىق لەشكەرلىرى ھەددى-ھېسابسىز ئەمەسمىدى؟ شۇ چاغدا سىز پەرۋەردىگارغا تايانغانلىقىڭىز ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۇلارنى سىزنىڭ قولىڭىزغا تاپشۇرغانىدى. پەرۋەردىگار يەر يۈزىدىكى ھەممە ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. ئۇ ئۆزىگە ھەقىقىي سادىق بولغانلارنى يۆلەيدۇ. سىز ئەخمەقلىق قىلدىڭىز، بۇندىن كېيىن سىزنى ئۇرۇش پالاكىتى باسىدۇ. ئاسا خانانىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا قاتتىق ئاچچىقى كەلدى ۋە ئۇنىڭ پۇتىغا تاقاق سېلىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر قىسىم كىشىلەرنى قاتتىق باستۇردى. ئاسا پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى «يەھۇدىيە ۋە ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىسى»گە پۈتۈلگەندۇر. ئاسا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 39-يىلى ئېغىر پۇت ئاغرىش كېسىلىگە گىرىپتار بولدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ پەرۋەردىگاردىن شىپالىق تىلىمىدى، بەلكى تېۋىپلاردىنلا ياردەم تەلەپ قىلدى. ئاسا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 41-يىلى ۋاپات بولدى. خەلق ئۇنىڭ مېيىتىنى تاۋۇتقا ياتقۇزۇپ، مېيىتىغا ھەر خىل پۇراقلىق بۇيۇملار ۋە ئېسىل مايلار ئىشلىتىپ، ئۇنى «داۋۇت شەھىرى»دە ئۆزى ئۈچۈن تاشتىن ئويدۇرۇپ ياساتقان قەبرىگە دەپنە قىلدى. ئۇنىڭ شەرىپىگە ناھايىتى چوڭ گۈلخان ياقتى. پادىشاھ ئاسانىڭ ئوغلى يىھوشافات تەختكە ۋارىسلىق قىلدى. ئۇ ئىسرائىلىيەگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنى مۇستەھكەملىدى. يىھوشافات يەھۇدىيەنىڭ ھەممە مۇستەھكەم شەھەرلىرىدە قوشۇنلارنى تۇرغۇزدى. ئۇ يەھۇدىيە شەھەرلىرىدە ۋە ئاتىسى ئاسا بويسۇندۇرغان ئەفرايىم شەھەرلىرىدە لەشكەرلىرىنى تۇرغۇزدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يار ئىدى، چۈنكى ئۇ ئەجدادى داۋۇت بۇرۇن قىلغاندەك ئىشلارنى قىلدى، بائالغا چوقۇنمىدى. ئۇ پەقەت ئاتىسى ئېتىقاد قىلغان خۇداغا ئىنتىلىپ، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلدى. ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ بۇتپەرەسلىكىگە ئەگەشمىدى. شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەملىدى. بارلىق يەھۇدىيەلىكلەر ئۇنىڭغا سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلدى. ئۇ چەكسىز بايلىق ۋە شەرەپكە ئىگە بولدى. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا قىزغىنلىق بىلەن ماڭدى. يەھۇدىيەدىكى غەيرىي سەجدىگاھلارنى بۇزۇپ، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى ئېلىپ تاشلىدى. يىھوشافات ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلى خەلققە تەلىم بېرىش ئۈچۈن ئەمەلدارلىرىدىن بەنخايىل، ئوبادىيا، زىكىرىيا، نىتانئېل، مىكايالارنى يەھۇدىيە شەھەرلىرىگە ئەۋەتتى. لاۋىيلاردىن شىمايا، نىتانيا، زىباديا، ئاسائېل، شىمىراموت، يوناتان، ئادونىيا، توبىيا، توب-ئادونىيا ۋە روھانىيلاردىن ئەلىشاما، يورام ئۇلارغا ھەمراھ بولدى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىنىڭ يازمىسىنى ئېلىپ، يەھۇدىيەنىڭ ھەممە شەھەرلىرىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ، خەلققە تەلىم بېرىشتى. يەھۇدىيەنىڭ ئەتراپىدىكى يات ئەللەر پەرۋەردىگاردىن قورققانلىقى ئۈچۈن، يىھوشافات بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايتتى. بىر قىسىم فىلىستىيەلىكلەر ئۇنىڭغا ئولپان تاپشۇردى. ئۇنىڭ ئىچىدە زور مىقداردا كۈمۈشلەر بار ئىدى. ئەرەبلەرمۇ ئۇنىڭغا 7700 تۇياق قوچقار، 7700 تۇياق تېكىنى ئولپان قىلىپ تاپشۇردى. يىھوشافات بارغانسېرى كۈچەيدى. يەھۇدىيەدە قورغان ۋە ئامبار شەھەرلىرىنى سالدۇردى. يەھۇدىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىگە زور مىقداردا ماددىي ئەشيا توپلىدى. يىھوشافات يېرۇسالېمدا خىللانغان قوشۇنلارنى تۇرغۇزدى. بۇ قوشۇنلار قەبىلىلەر بويىچە سەپەرۋەر قىلىنغانىدى. يەھۇدا قەبىلىسىدىن تۈمەنبېشى ئادناھ 300 مىڭ خىللانغان قوشۇنغا باشچىلىق قىلاتتى. مۇئاۋىن تۈمەنبېشى يىھوخانان بولۇپ، ئۇ 280 مىڭ خىللانغان قوشۇنغا باشچىلىق قىلاتتى. يەنە بىر مۇئاۋىن تۈمەنبېشى زىكرىنىڭ ئوغلى ئاماسيا بولۇپ، ئۇ 200 مىڭ خىللانغان قوشۇنغا باشچىلىق قىلاتتى. ئۇ، پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئۆزلۈكىدىن تىزىمغا ئالدۇرغانىدى. بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ باتۇر جەڭچىسى ئەليادا ئوقيا ۋە قالقان بىلەن قوراللانغان 200 مىڭ لەشكەرگە باشچىلىق قىلاتتى. مۇئاۋىن تۈمەنبېشى يىھوزاباد بولۇپ، ئۇ قوراللانغان 180 مىڭ لەشكەرگە باشچىلىق قىلاتتى. يۇقىرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى پادىشاھنىڭ خاس لەشكەرلىرى بولۇپ، يەھۇدىيەنىڭ ھەرقايسى مۇستەھكەم شەھەرلىرىگە ئەۋەتىلگەن لەشكەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايتتى. يىھوشافات بايلىق ۋە شۆھرەتتە چېكىگە يەتتى. ئۇ ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب بىلەن قۇدىلاشتى. بىرقانچە يىلدىن كېيىن ئۇ سامارىيەگە بېرىپ، ئاخابنى زىيارەت قىلدى. ئاخاب نۇرغۇن ||قوي-كالا | قوي ۋە كالا || سويۇپ، ئۇنى ۋە ھەمراھلىرىنى ھەشەمەتلىك كۈتۈۋالدى ۋە يىھوشافاتنى ئۆزى بىلەن بىرگە گىلئادتىكى راموت شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۆندۈردى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافاتتىن: _ سىلى گىلئادتىكى راموتنى ئالغىلى مەن بىلەن بىللە باراملا؟ _ دەپ سورىدى. يىھوشافات: _ مەن سىلى بىلەن ئاتلىنىشقا تەييارمەن. ئادەملىرىمنى ئۆزلىرىنىڭ ئادەملىرى دەپ، بىلگەيلا. مەن سىلىگە جەڭدە ياردەمدە بولاي. لېكىن سىلى بۇنى ئالدى بىلەن پەرۋەردىگاردىن سورىسىلا! _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئاخاب 400 پەيغەمبەرنى يىغىپ، ئۇلاردىن: _ بىز راموتقا ھۇجۇم قىلىشقا بارساق بولامدۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ بارغايلا! خۇدا راموتنى قوللىرىغا تاپشۇرىدۇ، _ دېدى ئۇلار. بىراق يىھوشافات: _ بۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن قالمىدىمۇ؟ ئەگەر قالسا، بىز بۇ ئىشنى ئۇنىڭدىن سورايلى، _ دېدى. _ پەرۋەردىگاردىن سورايدىغان يەنە بىرەيلەن بار، _ دېدى ئاخاب، _ لېكىن مەن ئۇنىڭغا ئۆچ، چۈنكى ئۇ مەن توغرۇلۇق ۋەھىي يەتكۈزگەندە، ھەمىشە ياخشى گەپ ئەمەس، يامان گەپ قىلىدۇ. ئۇ يىملاھنىڭ ئوغلى مىكايادۇر. يىھوشافات: _ پادىشاھ تۇرۇپ، بۇنداق دېسىلە بولمايدۇ! _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئاخاب ئوردا ئەمەلدارلىرىدىن بىرەيلەننى چاقىرىپ، ئۇنى يىملاھنىڭ ئوغلى مىكايانى دەرھال ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇدى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب بىلەن يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات شاھانە تونىنى كىيىپ، سامارىيەنىڭ شەھەر دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدىكى خاماندا ھەرقايسىسى ئۆز تەختىدە ئولتۇرۇشاتتى. پۈتۈن پەيغەمبەرلەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋەھىيلەرنى يەتكۈزدى. پەيغەمبەرلەردىن بىرى كىنائاننىڭ ئوغلى زىدقىيا ئىدى. ئۇ تۆمۈردىن ياسالغان بىر جۈپ مۈڭگۈزنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئاخاب پادىشاھقا: _ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سەن ئارراملارنى يوقاتمىغۇچە، بۇ مۈڭگۈزلەر بىلەن ئۇلارنى ئۈسۈپ تۇرىسەن»، _ دېدى. باشقا پەيغەمبەرلەرمۇ ئوخشاش سۆزنى قىلىپ: _ راموتقا ھۇجۇم قىلغايلا، سىلى غەلىبە قىلىدىلا. پەرۋەردىگار شەھەرنى قوللىرىغا تاپشۇرىدۇ، _ دېيىشتى. بۇ چاغدا مىكايانى چاقىرغىلى بارغان ئەمەلدار مىكاياغا: _ قاراڭ، ھەممە پەيغەمبەرلەر پادىشاھقا بىر ئېغىزدىن ياخشىلىقتىن بېشارەت بېرىشتى. سىزمۇ ئۇلارغا ئوخشاش ياخشىلىقتىن بېشارەت بەرگەيسىز، _ دېدى. لېكىن مىكايا: _ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، خۇدا نېمە دېسە مەن شۇنى دەيمەن، _ دېدى. مىكايا ئاخاب پادىشاھنىڭ ئالدىغا بارغاندا، پادىشاھ ئۇنىڭدىن: _ مىكايا، بىز راموتقا ھۇجۇم قىلىشقا بارساق بولامدۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ ھۇجۇم قىلىشقايلا، غەلىبە قىلىشىدىلا. شەھەر قوللىرىغا تاپشۇرۇلىدۇ، _ دەپلا قويدى ئۇ. لېكىن پادىشاھ: _ مەن سېنى، پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن سۆز قىلغىنىڭدا راستچىل بول، دەپ قانچە قېتىم قەسەم قىلدۇرىمەن؟ _ دېدى. مىكايا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: _ مەن ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرىنىڭ خۇددى قويچىسىز قالغان قوي پادىسىدەك تاغقا تارقىلىپ كەتكەن كۆرۈنۈشنى كۆردۈم. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ كىشىلەرنىڭ يېتەكچىسى يوق، ئۇلار ئۆز يۇرتىغا تىنچ-ئامان قايتسۇن!». ئاخاب يىھوشافاتقا: _ مەن ئۆزلىرىگە بۇ ئادەم مەن ھەققىدە ۋەھىي يەتكۈزگەندە، ياخشى گەپ قىلماي، ھامان يامان گەپ قىلىدۇ، دېمىگەنمىدىم؟ _ دېدى. مىكايا يەنە مۇنداق دېدى: _ شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار! مەن پەرۋەردىگارنىڭ تەختىدە ئولتۇرغىنىنى كۆردۈم. پۈتكۈل ساماۋى جامائەت ئۇنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە تۇراتتى. پەرۋەردىگار: «ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخابنىڭ جەڭدە ئۆلۈشى ئۈچۈن ئۇنى راموتقا بېرىشقا كىم ئازدۇرىدۇ؟» دەپ سورىدى. بەزىلەر بۇنداق دېسە، بەزىلەر ئۇنداق دېدى. كېيىن بىر روھ چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، «مەن ئازدۇرىمەن» دېدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن «قانداق ئازدۇرىسەن؟» دەپ سورىدى. ھېلىقى روھ «مەن ئاخابنىڭ پۈتۈن پەيغەمبەرلىرىنى يالغان ئېيتقۇزىمەن» دېدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا «سەن ئۇنى چوقۇم ئازدۇرالايسەن. بېرىپ، ئۇنى ئازدۇرغىن» دېدى. مىكايا ئەڭ ئاخىرىدا: _ ئىشنىڭ جەريانى مانا شۇنداق. پەرۋەردىگار سىلىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆزلىرىگە يالغان ئېيتقۇزدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ سىلىگە بالايىئاپەت ياغدۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى! _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن كىنائاننىڭ ئوغلى زىدقىيا مىكايانىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنى بىر كاچات ئۇرۇپ، ئۇنىڭدىن: _ پەرۋەردىگارنىڭ روھى قانداقلارچە مەندىن ئايرىلىپ، ساڭا سۆز قىلىدۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ بىر كۈنى سەن بىر ئۆينىڭ ئەڭ ئىچكىرىسىدىكى خانىسىغا يوشۇرۇنۇشقا مەجبۇر بولىسەن، شۇ كۈنى بىلىسەن، _ دەپ جاۋاب بەردى مىكايا. شۇنىڭ بىلەن ئاخاب ئەمەلدارغا مىكايانى تۇتۇپ، شەھەر باشلىقى ئامون بىلەن شاھزادە يوئاشنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشنى بۇيرۇدى ۋە ئەمەلدارغا: _ سىلەر بېرىپ، ئۇلارغا: «پادىشاھ مۇنداق پەرمان قىلىدۇكى، ماۋۇ كىشىنى زىندانغا تاشلاپ، مەن ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلگۈچە، ئۇنىڭغا جېنىنى ساقلىغۇدەكلا نان بىلەن سۇ بېرىڭلار» دېگىن، _ دەپ بۇيرۇدى. _ ئەگەر ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلسىلە، بۇ پەرۋەردىگارنىڭ مەن ئارقىلىق سۆزىنى يەتكۈزمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، _ دېدى مىكايا، _ ھەربىرلىرى سۆزۈمنى ئەسلىرىدە تۇتۇشقايلا. ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب بىلەن يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات گىلئادتىكى راموت شەھىرىگە قارشى جەڭگە ئاتلاندى. ئاخاب يىھوشافاتقا: _ بىز جەڭگە چىققاندا، مەن قىياپىتىمنى ئۆزگەرتىۋالاي، سىلى شاھانە تونلىرىنى كىيىۋەرسىلە، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ ئاخاب قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ، جەڭگە كىردى. ئاررام پادىشاھى ھارۋىلىق لەشكەر باشلىرىغا: «سىلەر ئىسرائىلىيەنىڭ چوڭ-كىچىك لەشكەرلىرى بىلەن جەڭ قىلىپ يۈرمەي، ھۇجۇمنىڭ نىشانىنى ئىسرائىلىيە پادىشاھىغا قارىتىڭلار» دەپ بۇيرۇغانىدى. شۇڭا ئۇلار يىھوشافاتنى كۆرگەندە، ئۇنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى دەپ ئويلاپ، ھەممىسى ئۇنىڭغا بۇرۇلۇپ، ھۇجۇم قىلىشتى. يىھوشافات قورقۇپ ۋارقىرىۋەتتى. پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ، ئارراملارنى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇردى. شۇندىلا ئۇلار ئۇنىڭ ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئەمەسلىكىنى بىلىپ، ئۇنى قوغلىماي كېتىپ قېلىشتى. بىراق، بىر ئاررام لەشكىرى تاسادىپىي بىر ئوق ئېتىۋىدى، ئۇ ئوق دەل ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخابنىڭ قاسراقسىمان ساۋۇتىنىڭ ياپالمىغان يېرىگە تەگدى. ئاخاب جەڭ ھارۋىسىنى ھەيدىگۈچىگە ۋارقىراپ: _ مەن يارىلاندىم، كەينىڭگە قايتىپ، جەڭدىن چېكىن! _ دېدى. لېكىن ئۇ كۈنى جەڭ شىددەتلىك بولدى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى كەچ كىرگۈچە ھارۋىسىدا چىداپ ئولتۇرۇپ، ئارراملارغا يۈزلىنىپ تۇردى. كۈن پاتقاندا ئۇ جان ئۈزدى. يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات يېرۇسالېمدىكى ئوردىسىغا ساق-سالامەت قايتىپ كەلدى. خانانىنىڭ ئوغلى غايىبنى بىلگۈچى يېھۇ پادىشاھ يىھوشافاتنى كۈتۈۋالغىلى ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ سىز نېمىشقا رەزىللەرگە ياردەم قىلىسىز؟ پەرۋەردىگارغا ئۆچمەنلىك قىلىدىغانلارنى ياخشى كۆرەمسىز؟ سىز پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويدىڭىز. شۇنداق بولسىمۇ، سىز يەنە ياخشى ئىشلارنىمۇ قىلغانىكەنسىز. سىز يەھۇدىيەدىكى ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى يوق قىلىپ، خۇداغا چىن يۈرىكىڭىز بىلەن ئىنتىلدىڭىز. شۇنىڭدىن كېيىن يىھوشافات يېرۇسالېمدا تۇرۇپ قالدى. ئۇ پۈتكۈل يەھۇدىيەنى ئايلىنىپ، بەئەرشەبادىن تاكى ئەفرايىم تاغلىق رايونىغىچە باردى ۋە خەلقىنى ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ يولىغا قايتىدىن قايتۇرۇپ ئەكەلدى. ئۇ يەھۇدىيەنىڭ ھەرقايسى مۇستەھكەم شەھەرلىرىدە يېڭىدىن سوت مەھكىمىلىرىنى تەسىس قىلدى ۋە ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر ئىش بېجىرىشتە ئېھتىياتچان بولۇڭلار، چۈنكى سىلەر ئىنسان نامىدىن ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ نامىدىن ھۆكۈم چىقىرىسىلەر. سىلەر ھۆكۈم چىقارغان ۋاقتىڭلاردا پەرۋەردىگار سىلەرگە يار بولىدۇ. شۇڭا سىلەر پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش بېجىرىشىڭلار كېرەك، چۈنكى بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ناھەقچىلىق، تەرەپبازلىق، پارىخورلۇققا رۇخسەت قىلمايدۇ. يىھوشافات يەنە يېرۇسالېمدا بىر قىسىم لاۋىيلارنى، روھانىيلارنى، ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنى سوتچى قىلىپ تەي ىنلىدى. ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىغا ئائىت مەسىلىلەرنى ۋە يېرۇسالېمنىڭ ئاھالىسىنىڭ ئەرزلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا بۇيرۇدى. يىھوشافات ئۇلارغا بۇيرۇق قىلىپ، مۇنداق دېدى: _ سىلەر پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغان يۈرىكىڭلار، ساداقىتىڭلار ۋە پۈتۈن قەلبىڭلار بىلەن ئىش بېجىرىڭلار. ئەگەر ھەرقايسى شەھەرلەردىكى قېرىندىشىڭلار ئالدىڭلارغا ئەرز قىلىپ كەلسە، ئۇلار مەيلى قاتىللىق، مەيلى قانۇن، ئەمر-پەرمان، قائىدىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئەرزلەر بولسۇن، ھەممىسىدە ئۇلارنىڭ ئەيىبكار بولۇپ قالماسلىقى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنىڭ سىلەرگە ۋە قېرىندىشىڭلارغا چۈشمەسلىكى ئۈچۈن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇڭلار. سىلەر شۇنداق قىلساڭلارلا، ئەيىبسىز بولىسىلەر. ئەگەر پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىغا مۇناسىۋەتلىك ئىش بولسا، باش روھانىي ئاماريا مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر پادىشاھنىڭ قانۇنىغا مۇناسىۋەتلىك ئىش بولسا، يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئىسمائىلنىڭ ئوغلى زىباديا مەسئۇل بولىدۇ. لاۋىيلار سىلەرگە كاتىپلىق قىلىدۇ. ئىش قىلغاندا يۈرەكلىك بولۇڭلار. ۋەزىپەڭلارنى ئادىل بېجىرسەڭلار، پەرۋەردىگار سىلەرگە يار بولىدۇ. كېيىن موئابلار، ئاممونلار ۋە مىئۇنلارنىڭ بىر قىسمى بىرلىكتە يىھوشافاتقا ھۇجۇم قىلغىلى كەلدى. خەۋەرچىلەر يىھوشافاتقا مەلۇمات ئېلىپ كېلىپ، مۇنداق دېدى: _ غايەت زور بىر قوشۇن ئۆلۈك دېڭىزنىڭ شەرقىدىن، يەنى ئىدومدىن كېلىۋاتىدۇ، ئۇلار ئاللىقاچان خازون-تامارغا (يەنى ئېنگەدى) بېسىپ كىردى. يىھوشافات قورقۇپ كەتتى. ئۇ چىن دىلى بىلەن پەرۋەردىگاردىن مەدەت تىلەش قارارىغا كېلىپ، پۈتۈن يەھۇدىيە دائىرىسىدە روزا تۇتۇشنى جاكارلىدى. پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقى يەھۇدىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن يىغىلىپ، پەرۋەردىگاردىن مەدەت تىلىدى. يىھوشافات پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ يېڭى ھويلىسىنىڭ ئالدىدا، يېرۇسالېم ۋە پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ، مۇنداق دەپ دۇئا قىلدى: _ ئى ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدا، سەن ئەرشتىكى خۇدا ئەمەسمۇ؟ سەن بارلىق پادىشاھلىقلار ۋە ئەللەرنىڭ ئىگىسىسەن، كۈچ-قۇدرەت سەندىدۇر، ھېچكىم سېنى توسالمايدۇ. ئى خۇدايىمىز، سەن ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا مۇشۇ تۇپراقتا ياشىغان خەلقلەرنى ھەيدەپ چىقىرىۋېتىپ، ئۇنى دوستۇڭ ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرىغا مەڭگۈلۈك مۈلۈك قىلىپ بەرگەن ئەمەسمىدىڭ؟! سېنىڭ خەلقىڭ بۇ تۇپراقتا ياشاپ، سېنىڭ نامىڭغا ئاتاپ مۇقەددەس ئىبادەتخانا بەرپا قىلىپ: «ئەگەر بىز مەيلى ئۇرۇش، مەيلى كېسەللىك ياكى ئاچارچىلىق بولسۇن مەلۇم بىر ئاپەتكە ئۇچرىساق، بۇ ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدا ۋە سېنىڭ ھۇزۇرۇڭدا تۇرۇپ، چەككەن ئەرزىيەتلىرىمىزنى كۆتۈرۈۋېتىشىڭ ئۈچۈن سەندىن ياردەم تەلەپ قىلساق، سەن چوقۇم نىدايىمىزنى ئاڭلاپ، ياردەم قىلىسەن. چۈنكى سېنىڭ نامىڭ بۇ ئىبادەتخانىدا بار» دېيىشكەن ئەمەسمىدى؟ سەن ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ۋاقتىڭدا، ئىسرائىللارنىڭ ئاممونلار، موئابلار ۋە سەئىر تاغلىرىدا ياشايدىغان مىئۇنلارغا دەخلى قىلىشىغا رۇخسەت بەرمىگەنلىكىڭ ئۈچۈن، ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ئۇلارنى ۋەيران قىلمىغانىدى. لېكىن ھازىر بۇ خەلقلەر بىزگە ھۇجۇم قىلىپ، بىزنى سەن مۈلۈك قىلىپ بەرگەن بۇ زېمىندىن ھەيدىۋەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئى خۇدايىمىز، سەن ئۇلارنى جازالىمامسەن؟ بىزگە قارشى كېلىۋاتقان غايەت زور بۇ قوشۇننى توسقۇدەك بىزدە كۈچ يوق، بىز نېمە قىلىشىمىزنى بىلمەي، پەقەت ساڭىلا تەلپۈنمەكتىمىز. يەھۇدىيە ئەرلىرى ئاياللىرى ۋە بالا-چاقىلىرى بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرۇشتى. پەرۋەردىگارنىڭ روھى جامائەت ئارىسىدا تۇرغان ياخازىئېلنىڭ ئۈستىگە چۈشتى. ياخازىئېل لاۋىيلاردىن بولغان ئاسافنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ئۇ ماتتانيانىڭ چەۋرىسى، يىئىئېلنىڭ ئەۋرىسى، بىنايانىڭ نەۋرىسى، زىكىرىيانىڭ ئوغلى ئىدى. ياخازىئېل مۇنداق دېدى: _ ئەي پادىشاھ يىھوشافات ئالىيلىرى، يېرۇسالېم ۋە پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقى! سۆزۈمنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭلار. پەرۋەردىگار سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر دۈشمەننىڭ بەك كۆپلۈكىدىن قورقۇپ، || ئالاقزادە بولۇپ | بوشىشىپ كەتمەڭلار ||. چۈنكى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسى سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردا ئەمەس، بەلكى مەن خۇدانىڭ ئىلكىدىدۇر. ئەتە ئۇرۇشقا چىقىڭلار. دۈشمەن زىز جىلغىسى بىلەن چىقىپ كېلىدۇ. ئۇلار بىلەن يىرۇئېل چۆلىدە ئۇچرىشىسىلەر. سىلەرنىڭ ئۇرۇش قىلىشىڭلارنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. پەقەت جايىڭلارنى مەھكەم ساقلاپ، ئورنۇڭلاردىن مىدىرلىماڭلار. مەن پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى قانداق || قۇتقۇزىدىغانلىقىنى | قۇتقۇزىدىغانلىقىمنى || كۆرۈڭلار. ئەي يېرۇسالېملىقلار، يەھۇدىيەلىكلەر! قورقماڭلار، || ئالاقزادە بولماڭلار | بوشىشىپ كەتمەڭلار ||. ئەتە ئۇرۇشقا چىقىڭلار. مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ياردۇرمەن.» شۇنىڭ بىلەن يىھوشافات يەرگە باش قويدى. يېرۇسالېم ۋە پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقى بېشىنى يەرگە قويۇپ، پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى. قوھات ۋە كوراھ نەسلىدىن بولغان لاۋىيلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانى ناھايىتى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مەدھىيەلەشتى. ئەتىسى جامائەت ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، تىقوۋا چۆلىگە بارماقچى بولۇشتى. ئۇلار يولغا چىقىدىغان ۋاقىتتا يىھوشافات ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ، مۇنداق دېدى: _ ئەي يېرۇسالېم ۋە پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقى، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئەگەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىشەنسەڭلار، مەزمۇت تۇرىسىلەر، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىشەنسەڭلار، غەلىبە قىلىسىلەر. يىھوشافات جامائەت بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، مۇراسىم كىيىمى كىيگەن، پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەيدىغان ناخشىچىلارنى لەشكەرلەرنىڭ ئالدىدا ماڭدۇردى. ئۇلار سەپنىڭ ئالدىدا: «پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر» دەپ ناخشا ئېيتىپ ماڭدى. ئۇلار تەنتەنىلىك ھالدا ناخشا ئېيتىپ، پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلىگىلى باشلىغاندا، پەرۋەردىگار دۈشمەن لەشكەرلىرىگە بۆكتۈرمە قويۇپ، يەھۇدىيەلىكلەرگە ھۇجۇم قىلغىلى سەئىر تاغلىرىدىن كەلگەن مىئونلار ۋە ئاممون، موئاب لەشكەرلىرىنى مەغلۇپ قىلدى. ئاممون ۋە موئابلار سەئىر تاغلىرىدىن كەلگەنلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوقاتقاندىن كېيىن، ئاممون ۋە موئابلار ئۆزئارا بىر-بىرىنى قىرغىن قىلىشقانىدى. يەھۇدىيەلىكلەر چۆلنى كۆرەلەيدىغان جايدىن دۈشمەن لەشكەرلىرىگە نەزەر تاشلاشتى. ئۇلار كۆردىكى، پۈتۈن دالا دۈشمەن لەشكەرلىرىنىڭ ئۆلۈكى بىلەن تولۇپ كەتكەنىدى، ئۇلارنىڭ بىرىمۇ ھايات قالمىغانىدى. يىھوشافات ۋە ئۇنىڭ خەلقى ئولجىلارنى يىغقىلى باردى. ئۆلۈكلەرنىڭ ئارىسىدا ناھايىتى كۆپ مال-مۈلۈك، كىيىم-كېچەك، قىممەت باھالىق بۇيۇملار بار ئىدى. ئولجىلارنىڭ شۇنچىلىك كۆپلۈكىدىن ئۇلار بىر قېتىمدا توشۇپ بولالماي، ئۈچ كۈن توشىدى. تۆتىنچى كۈنى ئۇلار بىر جىلغىغا يىغىلىپ، پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇدى. (شۇندىن باشلاپ بۇ جىلغىنىڭ نامى تاكى ھازىرغىچە بىراكا [مەنىسى «بەخت»] جىلغىسى دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.) يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەلىكلەر يىھوشافاتنىڭ رەھبەرلىكىدە تەنتەنە بىلەن يېرۇسالېمغا قايتتى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدۇرغانىدى. ئۇلار يول بويى چىلتار، لىرا ۋە كاناي چېلىپ، يېرۇسالېمغا كەلدى-دە، ئۇدۇل پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا باردى. پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ دۈشمەنلىرىنى يەڭگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئەتراپىدىكى خەلقلەر پەرۋەردىگاردىن قورقۇشقا باشلىدى. يىھوشافات ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە ئەلدە تىنچ-ئامانلىق بولدى، چۈنكى ئۇ ئىشەنگەن خۇدا ئۇنىڭ چېگرالىرىغا تىنچلىق ئاتا قىلغانىدى. يىھوشافات يەھۇدىيەدە تەختكە چىققان چاغدا 35 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 25 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى شىلخىنىڭ قىزى ئازۇبا ئىدى. يىھوشافات پۈتۈنلەي ئاتىسى ئاسا ماڭغان يولدا مېڭىپ، ھېچ ياققا ئېغىشماي، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. بىراق سەجدىگاھلارنى يوقىتىۋېتەلمىدى. خەلق يەنىلا ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلغان خۇداغا چىن قەلبىدىن ئەگەشمىدى. يىھوشافات پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىسى»نىڭ بىر قىسمى بولغان خانانىنىڭ ئوغلى «يېھۇنىڭ تەزكىرىسى»گە پۈتۈلگەندۇر. كېيىنكى ۋاقىتلاردا يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات يامان ئىشلارنى قىلىدىغان ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخازيا بىلەن ئىتتىپاقلاشتى. ئۇلار تارشىشقا بېرىش ئۈچۈن كېمىلەرنى ياسىتىشقا كېلىشتى. بۇ كېمىلەرنى ئەزيون-گەبەردە ياساتتى. شۇنىڭ بىلەن دوداۋانىڭ ئوغلى مارېشالىق ئەلىئەزەر يىھوشافاتقا قارشى ۋەھىي يەتكۈزۈپ: _ سىز ئاخازيا بىلەن ئىتتىپاقلاشقاچقا، پەرۋەردىگار سىز ياساتقان كېمىلەرنى ۋەيران قىلىدۇ، _ دېدى. دەرۋەقە كېمىلەر پارچىلىنىپ كېتىپ، ئۇلار تارشىشقا بارالمىدى. يىھوشافات ۋاپات بولۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا، «داۋۇت شەھىرى»گە دەپنە قىلىندى. ئوغلى يىھورام ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى. يىھورامنىڭ ئازاريا، يىخىئېل، زىكىرىيا، ئازارياھۇ، مىكائىل، شىفاتيا دېگەن ئىنىلىرى بار ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافاتنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئۇلارغا كۈمۈش، ئالتۇن ۋە باشقا نۇرغۇن قىممەت باھالىق نەرسىلەرنى سوۋغات قىلغاندىن سىرت، يەنە ئۇلارغا يەھۇدىيەنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرىدىن ھەدىيە قىلدى. لېكىن پادىشاھلىقىنى يىھورامغا بەردى، چۈنكى ئۇ تۇنجى ئوغلى ئىدى. يىھورام پادىشاھلىققا ھۆكۈمران بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىپ، ئىنىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ بەزىلىرىنى چېپىپ تاشلىدى. يىھورام تەختكە چىققان چاغدا 32 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا سەككىز يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. يىھورام ئاخابنىڭ قىزىنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ، خۇددى ئاخاب جەمەتىدىكىلەرنىڭ قىلغىنىدەك، ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ يولىدا مېڭىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. لېكىن، پەرۋەردىگار داۋۇتقا ئەھدە قىلغان خانىدانلىقىنى ۋەيران قىلىشنى خالىمىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار داۋۇتنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمەي، ئۇنىڭ تەختىنى ئەۋلادلىرىنىڭ مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشىغا ۋەدە بەرگەنىدى. يىھورام پادىشاھ ۋاقتىدا ئىدوملۇقلار يەھۇدىيەدىن يۈز ئۆرۈپ، ئۆزلىرىگە ئايرىم بىر پادىشاھ تىكلىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن يىھورام لەشكەر باشلىرى ۋە بارلىق جەڭ ھارۋىلىرىنى ئېلىپ ئۇرۇشقا باردى. ئۇ كېچىسى ئورنىدىن تۇرۇپ، ھارۋىلىق لەشكەر باشلىرى بىلەن بىرگە ئۆزلىرىنى قورشاپ تۇرغان ئىدوملۇقلار ئارىسىدىن قېچىپ چىقتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىدوملۇقلار تاكى ھازىرغىچە يەھۇدىيەگە قارشى چىقىپ كەلمەكتە. شۇ چاغدا لىبناھلىقلارمۇ يەھۇدىيەگە قارشى چىقىشقانىدى. چۈنكى يىھورام ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدادىن يۈز ئۆرۈگەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يىھورام يەھۇدا تاغلىرىدا غەيرىي سەجدىگاھلارنى بەرپا قىلىپ، يېرۇسالېم ۋە پۈتۈن يەھۇدىيە ئاھالىسىنى خۇددى پاھىشىلەردەك پەرۋەردىگارغا ساداقەتسىزلىك قىلىشقا ئازدۇردى. ئىلياس پەيغەمبەر يىھورامغا مۇنداق دەپ مەكتۇپ يوللىدى: «ئەجدادىڭ داۋۇت ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدا مۇنداق دەيدۇ: ‹سەن ئاتاڭ يىھوشافاتنىڭ يولىدىن ھەم بوۋاڭ ئاسانىڭ ئىزىدىن ماڭماي، ئەكسىچە ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ يولىدا ماڭدىڭ. ئاخاب ئائىلىسى ئىسرائىلىيەلىكلەرنى مەن پەرۋەردىگارغا ساداقەتسىزلىك قىلىشقا ئازدۇرغاندەك سەنمۇ يەھۇدا ۋە يېرۇسالېم ئاھالىسىنى ئازدۇردۇڭ ھەم سەندىن ياخشى بولغان ئۆز ئىنىلىرىڭنى ئۆلتۈردۈڭ. شۇڭا مەن پەرۋەردىگار خەلقىڭگە، قىز-ئوغۇللىرىڭغا، خوتۇنلىرىڭغا ھەم مال-مۈلۈكلىرىڭگە ئېغىر ئاپەت كەلتۈرىمەن. سەن ئۈچەي كېسىلىگە گىرىپتار بولىسەن، كېسىلىڭ كۈنسېرى ئېغىرلاپ، ئۈچەيلىرىڭ تېشىغا ساڭگىلاپ قالىدۇ.›» پەرۋەردىگار فىلىستىيەلىكلەر ۋە كۇشلارنىڭ يېنىدا ياشايدىغان ئەرەبلەرنى يىھورامغا قارشى قوزغىدى. ئۇلار يەھۇدىيەگە ھۇجۇم قىلىپ، چېگراسىدىن بېسىپ كىردى ۋە ئوردىغا تەۋە بارلىق بايلىقلارنى ئولجا ئالدى. يىھورامنىڭ بالىلىرى ۋە خوتۇنلىرىنى ئەسىر قىلدى. پەقەت پادىشاھنىڭ كەنجى ئوغلى ئاخازيا قالدى. بۇ ئىشلاردىن كېيىن، پەرۋەردىگار يىھورامنى ساقايمايدىغان ئۈچەي كېسىلىگە گىرىپتار قىلدى. كېسىلى كۈنسېرى ئېغىرلاپ، ئىككى يىلدىن كېيىن ئۈچەيلىرى تېشىغا ساڭگىلاپ، ئېغىر ئازاب بىلەن ئۆلدى. ئۇنىڭ پۇقرالىرى ئۇنىڭ ئەجدادلىرىغا ئوت يېقىپ تەزىيە بىلدۈرگەندەك، ئۇنىڭغا تەزىيە بىلدۈرمىدى. يىھورام تەختكە چىققان چاغدا 32 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 8 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ ئۆلگەندە ھېچكىم قايغۇرمىدى. ئۇ «داۋۇت شەھىرى»گە دەپنە قىلىندى، لېكىن پادىشاھ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنمىدى. يېرۇسالېمنىڭ ئاھالىسى يىھورامنىڭ كەنجى ئوغلى ئاخازيانى ئاتىسىنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. چۈنكى ئۇنىڭ ئاكىلىرىنى ئەرەبلەر ۋە ئۇلارغا ئەگىشىپ كەلگەنلەر بارگاھقا ھۇجۇم قىلغاندا ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن يىھورامنىڭ ئوغلى ئاخازيا يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 22 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا بىر يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئومرىنىڭ نەۋرىسى ئاتاليا ئىدى. ئاخازيانىڭ ئانىسى ئاتاليا ئۇنىڭغا يامان ئىشلارنى قىلىشقا مەسلىھەت بەرگەچكە، ئۇمۇ خۇددى ئاخاب جەمەتىدىكىلەرگە ئوخشاش، ئۇلارنىڭ يولىنى تۇتۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئاخازيانىڭ ئاتىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئاخاب جەمەتىدىكىلەر ئۇنىڭ مەسلىھەتچىلىرى بولدى ۋە ئۇنى ھالاكەتكە باشلىدى. ئاخازيا ئۇلارنىڭ مەسلىھەتىگە كىرىپ، ئاخابنىڭ ئوغلى _ ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورامغا ئەگىشىپ، ئاررام پادىشاھى خازائېلغا قارشى جەڭ قىلغىلى گىلئادتىكى راموت شەھىرىگە باردى. ئارراملار يورامنى يارىلاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يارىسىنى ساقايتىش ئۈچۈن يىزرىئەلگە قايتىپ كەتتى. ئاخازيا ئۇنى يوقلاپ باردى. لېكىن ئۇنىڭ يورامنى يوقلىشى ئۆزىنىڭ ھالاكىتىنىڭ سەۋەبى بولدى، چۈنكى خۇدا بۇنى ئىرادە قىلغانىدى. ئاخازيا يورامنى يوقلاپ بارغان ۋاقتىدا، ئۇلار بىرلىكتە نىمشىنىڭ نەۋرىسى يېھۇ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا بارغانىدى. پەرۋەردىگار بولسا، يېھۇنى ئاخابنىڭ جەمەتىدىكىلەرنى قىرىپ تاشلىشى ئۈچۈن تاللىغانىدى. يېھۇ خۇدانىڭ ھۆكۈمىنى ئىجرا قىلىپ، ئاخابنىڭ جەمەتىنى قەتل قىلغان ۋاقتىدا، ئاخازيانىڭ خىزمىتىنى قىلىۋاتقان يەھۇدىيە سەركەردىلىرىنى ھەمدە ئاخازيانىڭ جىيەنلىرىنى ئۇچرىتىپ قېلىپ، ئۇلارنىمۇ ئۆلتۈردى. يېھۇ ئاخازيانى ئىزدىدى. ئاخازيا سامارىيە شەھىرىگە قېچىپ بېرىپ مۆكۈۋالغانىدى. يېھۇنىڭ ئادەملىرى ئۇنى تۇتۇپ، يېھۇنىڭ ئالدىغا ئەكەلدى ۋە ئۇنى ئۆلتۈردى. لېكىن ئۇنى يەنىلا دەپنە قىلدى، چۈنكى ئاخازيا يىھوشافاتنىڭ نەۋرىسى بولغانلىقى ۋە يىھوشافات ھايات ۋاقتىدا جان-دىلى بىلەن پەرۋەردىگارغا ئىنتىلىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى قىلغانىدى. نەتىجىدە ئاخازيانىڭ قېرىنداشلىرىدىن پادىشاھلىققا ھۆكۈمرانلىق قىلغۇدەك قۇرامىغا يەتكەن ھېچبىر ئادەم قالمىدى. ئاخازيانىڭ ئانىسى ئاتاليا ئوغلىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، يەھۇدىيە پادىشاھ جەمەتىنىڭ بارلىق ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈش نىيىتىگە كەلدى. لېكىن پادىشاھ يىھورامنىڭ قىزى يىھوشەبا پادىشاھ ئاخازيانىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغان ئوغۇللىرى ئارىسىدىن يوئاش ئىسىملىك ئوغلىنى ئېلىپ چىقىپ، ئۇنى ئىنىكئانىسى بىلەن بىرگە كىچىك بىر ھۇجرىغا يوشۇرۇپ قويدى. پادىشاھ يىھورامنىڭ قىزى، يەنى باش روھانىي يىھويادانىڭ ئايالى ۋە ئاخازيانىڭ سىڭلىسى بولغان يىھوشەبا بالىنى ئاتاليادىن يوشۇرۇپ قالغاچقا، ئاتاليا ئۇنى قەتل قىلالمىدى. ئاتاليا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە يوئاش ئۇلار بىلەن بىرلىكتە خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئالتە يىل يوشۇرۇنۇپ تۇردى. يەتتىنچى يىلى باش روھانىي يىھويادا قاتتىق جاسارەتكە كېلىپ، يۈزبېشىلار، يەنى يىروخامنىڭ ئوغلى ئازاريا، يىھوخاناننىڭ ئوغلى ئىسمائىل، ئوبېدنىڭ ئوغلى ئازاريا، ئادايانىڭ ئوغلى مائاسېيا ۋە زىكرىنىڭ ئوغلى ئېلىشافات بىلەن بىر نىيەتكە كېلىشتى. ئۇلار يەھۇدىيەنى ئايلىنىپ، يەھۇدىيەنىڭ بارلىق شەھەرلىرىدىن لاۋىيلارنى ۋە جەمەت باشلىقلىرىنى يېرۇسالېمغا يىغدى. يىغىلغانلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا پادىشاھلىق تەختىگە چىقىدىغان يوئاش بىلەن ئەھدە تۈزدى. باش روھانىي يىھويادا ئۇلارغا: _ مانا، بۇ پادىشاھنىڭ ئوغلىدۇر! پەرۋەردىگار داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى ھەققىدە ئېيتقىنىدەك، ئۇ پادىشاھ بولسۇن، _ دېدى ۋە سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى، _ سىلەر ئەمدى مۇنداق قىلىڭلار: كېلەركى دەم ئېلىش كۈنى نۆۋەتچىلىك قىلىدىغان روھانىي ۋە لاۋىيلاردىن ئۈچتىن بىرىڭلار دەرۋازىۋەن بولۇڭلار. يەنە بىر ئۈچتىن بىرىڭلار پادىشاھ ئوردىسىدا مۇھاپىزەتتە تۇرۇڭلار. قالغان ئۈچتىن بىرىڭلار «ئۇل دەرۋازىسى»دا مۇھاپىزەتتە تۇرۇڭلار. باشقىلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىلىرىدا بولسۇن. لېكىن روھانىيلار ۋە نۆۋەتچىلىك قىلىدىغان لاۋىيلاردىن باشقا ھېچكىم پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىرمىسۇن. پەقەتلا ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتالغاندۇر. قالغانلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىپ، ئىبادەتخانىغا كىرمىسۇن. قالغان لاۋىيلار قوراللىنىپ، يوئاشنىڭ تۆت ئەتراپىدا تۇرۇپ، ئۇنى قوغدىسۇن. بىرەرسى ئىبادەتخانىغا كىرمەكچى بولسا، ئۆلتۈرۈلسۇن. يوئاش مەيلى نەدە تۇرمىسۇن، سىلەر ئۇنىڭ يېنىدىن ئايرىلماڭلار. لاۋىيلار ۋە يەھۇدىيەلىكلەر باش روھانىي يىھويادانىڭ بۇيرۇقلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىجرا قىلىشتى. باش روھانىي يىھويادا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقانلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئۆيىگە كېتىشىگە ئىجازەت بەرمىدى. شۇ دەم ئېلىش كۈنىدە مەيلى نۆۋەتچىلىكتىن چۈشكەنلەر، مەيلى نۆۋەتچىلىككە چىققانلار بولسۇن، ھەممىسى ئۆز ئادەملىرىنى ئېلىپ كېلىشتى. باش روھانىي يىھويادا بۇرۇن داۋۇت پادىشاھقا تەۋە بولغان، ھازىر خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان نەيزە ۋە چوڭ-كىچىك قالقانلارنى يۈزبېشىلارغا تاپشۇردى. باش روھانىي يىھويادا يوئاشنى قوغداش ئۈچۈن ئىبادەتخانىدىكى پۈتۈن كىشىلەرنى قوللىرىدا قورال-ياراغلىرىنى تۇتقان ھالدا ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدا، جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان ھالەتتە قۇربانلىق سۇپىسى ۋە يوئاشنى چۆرىدەپ تۇرغۇزدى. باش روھانىي يىھويادا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى پادىشاھنىڭ ئوغلى يوئاشنى ئېلىپ چىقىپ، بېشىغا تاج كىيدۈردى. ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىدىن بىر نۇسخىنى تاپشۇرۇپ، ئۇنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. ئۇلار يوئاشنىڭ بېشىغا زەيتۇن يېغىنى قۇيدى. خەلق «ياشىسۇن پادىشاھ!» دەپ توۋلاشتى. ئاتاليا خەلقنىڭ يۈگۈرگەن ئاۋازلىرىنى ۋە پادىشاھنى مەدھىيەلەش سادالىرىنى ئاڭلاپ، ئىبادەتخانىغا يىغىلغان كىشىلەرنىڭ يېنىغا باردى. شۇ چاغدا يوئاش ئىبادەتخانىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى «پادىشاھ تۈۋرۈكى»نىڭ يېنىدا، يۈزبېشىلار ۋە كانايچىلارنىڭ ئارىسىدا تۇراتتى. ئاتاليا خەلقنىڭ خۇشاللىققا چۆمۈپ، كاناي چېلىۋاتقانلىقىنى ۋە نەغمىچىلەرنىڭ مۇزىكا چېلىپ، مەدھىيەلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كىيىملىرىنى يىرتتى ۋە «ئاسىيلىق، ئاسىيلىق!» دەپ ۋارقىراپ كەتتى. باش روھانىي يىھويادا ئاتاليانىڭ ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىدا ئۆلتۈرۈلۈشىنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن، قوشۇننىڭ يۈزبېشىلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا: _ بۇ خوتۇننى ئېلىپ چىقىپ كېتىڭلار! كىمكى ئۇنىڭغا ئەگىشىدىكەن، ئۇنى چېپىپ تاشلاڭلار، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى ئېلىپ چىقىپ، ئوردىنىڭ ئالدىغا ئەكەلدى ۋە ئۇنى ئاتلىقلار كىرىدىغان دەرۋازىدا ئۆلتۈرۈۋەتتى. باش روھانىي يىھويادا يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ سادىق خەلقى بولۇشى ئۈچۈن ئۆزى بىلەن پادىشاھ ۋە پۈتۈن خەلق ئوتتۇرىسىدا ئەھدە تۈزدى. ئاندىن پۈتۈن خەلق بائالنىڭ بۇتخانىسىغا بېرىپ، بۇتخانىنى چېقىۋېتىشتى. ئۇلار بائالنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرى ۋە بۇتلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، بائالنىڭ روھانىيسى ماتتاننى قۇربانلىق سۇپىلىرى ئالدىدا ئۆلتۈردى. باش روھانىي يىھويادا داۋۇتنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئاساسەن پەرۋەردىگارىمىز ئىبادەتخانىسىنىڭ نازارىتىنى روھانىيلار ۋە لاۋىيلارغا تاپشۇردى. ئۇلارغا مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغىنىدەك پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار سۇنۇشنى ۋە داۋۇت ئەمر قىلغاندەك شاد-خۇراملىق بىلەن ناخشا ئېيتىشنى بۇيرۇدى. نېمە سەۋەبتىن ناپاك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھېچقانداق ناپاك ئادەم كىرمىسۇن دەپ، دەرۋازىۋەنلەرنى ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىلىرىغا تۇرغۇزدى. ئۇ يەنە يۈزبېشىلار، كاتتا زاتلار، يۇقىرى ئەمەلدارلار ۋە شۇ يەردىكى پۈتۈن خەلقنى باشلاپ، پادىشاھنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن ئېلىپ چىقىپ، يۇقىرى دەرۋازا ئارقىلىق ئوردىغا كىردى. ئاندىن يوئاشنى پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزدى. پۈتۈن خەلق خۇشاللىققا چۆمۈپ، شەھەر خاتىرجەم بولدى. چۈنكى ئاتاليا قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈلگەنىدى. يوئاش تەختكە چىققان چاغدا يەتتە ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا قىرىق يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى بەئەرشەبا شەھىرىدىن بولۇپ، ئىسمى زىبياھ ئىدى. يوئاش باش روھانىي يىھويادانىڭ ھايات ۋاقتىدا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. روھانىي يىھويادا يوئاشقا ئىككى خوتۇن ئېلىپ بەردى. ئۇلار يوئاشقا ئوغۇل-قىزلارنى تۇغۇپ بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن يوئاش پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ئوڭشىتىش نىيىتىگە كەلدى. ئۇ روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنى يىغىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر يەھۇدىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىگە بېرىپ، خەلقتىن سېلىق يىغىپ كېلىڭلار. ئۇنى ھەر يىلى ئىبادەتخانىنى ئوڭشاش ئۈچۈن خىراجەت قىلىڭلار. سىلەر بۇ ئىشنى دەرھال باشلاڭلار. لېكىن لاۋىيلار بۇ ئىشنى دەرھال باشلىمىدى. پادىشاھ يوئاش باش روھانىي يىھويادانى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن سورىدى: _ سىز نېمە ئۈچۈن لاۋىيلارنى يېرۇسالېم ۋە پۈتۈن يەھۇدىيەگە بېرىپ، سېلىق يىغىشقا بۇيرۇمايسىز؟ بۇ سېلىقنى يىغىشنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا ئىسرائىل جامائىتىگە بېكىتكەنىدى، ئۇنى ئەھدە چېدىرى ئۈچۈن ئىشلىتەتتى. رەزىل ئايال ئاتاليانىڭ شېرىكلىرى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ھەتتا ئۇ يەردىكى پەرۋەردىگارغا بېغىشلانغان بۇيۇملارنى ئېلىپ كېتىپ، ئۇنى بائالنىڭ مۇراسىمىدا ئىشلەتكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، بىر ساندۇق ياسىتىپ، ئۇنى ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا قويدۇرۇپ قويدى. ئاندىن ئۇ يېرۇسالېملىقلار ۋە پۈتۈن يەھۇدىيەلىكلەرگە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا ئىسرائىل جامائىتىگە چۆلدىكى ۋاقتىدا بېكىتكەن سېلىقلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارغا ئاتىشىنى بۇيرۇدى. پۈتۈن يولباشچىلار ۋە جامائەت خۇشاللىق بىلەن كېلىپ، تاكى ساندۇق تولغۇچە ئۆزلىرىنىڭ كۈمۈشلىرىنى سېلىشتى. ساندۇق تولغان ھامان لاۋىيلار كېلىپ، ساندۇقنى ئوردىغا ئېلىپ مېڭىشتى. پادىشاھنىڭ خەزىنىچىسى ۋە باش روھانىينىڭ ۋاكالەتچىسى ساندۇقنى بوشاتقاندىن كېيىن يەنە ئەسلىدىكى ئورنىغا ئاپىرىپ قويدى. ئۇلار ھەر كۈنى شۇنداق قىلىپ، كۆپ مىقداردا كۈمۈش توپلىدى. پادىشاھ ۋە باش روھانىي يىھويادا توپلانغان كۈمۈشلەرنى ئىبادەتخانىغا مەسئۇل قۇرۇلۇش نازارەتچىلىرىگە تاپشۇرۇپ بەردى. ئۇلار تاشچى، ياغاچچى، تۆمۈرچى ۋە تۇچچىلارنى ياللاپ، ئىبادەتخانىنى ئوڭشاتتى. ئىشلەمچىلەر تىرىشىپ ئىشلىدى. قۇرۇلۇش ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلدى. خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى ئەسلىگە كېلىپلا قالماي، بەلكى تېخىمۇ مەزمۇت بولدى. قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن، ئېشىپ قالغان كۈمۈشلەرنى پادىشاھ ۋە باش روھانىي يىھوياداغا تاپشۇرۇپ بەردى. بۇ كۈمۈشلەرنى ئىبادەتخانىنىڭ مۇراسىملىرىدا ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇملارنى ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلاردا ئىشلىتىلىدىغان ئىسرىق تەخسىلىرىنى ۋە باشقا ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلارنى ياساشقا ئىشلەتتى. باش روھانىي يىھويادا ھايات ۋاقتىدا خەلق داۋاملىق پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى قىلىپ تۇردى. باش روھانىي يىھويادا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، 130 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ «داۋۇت شەھىرى»دىكى پادىشاھ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى، چۈنكى ئۇ ئىسرائىللار ئۈچۈن، خۇدا ۋە خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن كۆپ ياخشى ئىشلارنى قىلغانىدى. باش روھانىي يىھويادا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، يەھۇدىيەنىڭ يولباشچىلىرى پادىشاھنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭغا تەزىم قىلىشتى. پادىشاھ ئۇلارنىڭ مەسلىھەتىگە قۇلاق سالدى. ئۇلار ئەجدادلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى تەرك ئېتىپ، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىغا ۋە باشقا بۇتلارغا چوقۇندى. ئۇلارنىڭ بۇ گۇناھلىرى سەۋەبىدىن، خۇدا يېرۇسالېم ۋە پۈتۈن يەھۇدىيەگە غەزىپىنى ياغدۇرماقچى بولدى. لېكىن پەرۋەردىگار يەنىلا ئۇلارنىڭ ئارىسىغا پەيغەمبەرلەر ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ يولىغا قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولدى. پەيغەمبەرلەر ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار پەرۋا قىلمىدى. خۇدانىڭ روھى باش روھانىي يىھويادانىڭ ئوغلى زىكىرىياغا چۈشتى. ئۇ خەلقنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر نېمىشقا مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىگە خىلاپلىق قىلىسىلەر؟ راھەت-پاراغەتكە ئېرىشكۈڭلار يوقمىدى؟ سىلەر مېنى تاشلىغانىكەنسىلەر. ئەمدى مەنمۇ سىلەرنى تاشلايمەن!» يەھۇدىيەلىكلەر زىكىرىياغا سۇيىقەست قىلماقچى بولۇشتى. پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىسىدا ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈشتى. پادىشاھ يوئاش زىكىرىيانىڭ دادىسى يىھويادانىڭ ئۆزىگە كۆرسەتكەن ئىلتىپاتلىرىغا قارىماي، ئۇنىڭ ئوغلىنى ئۆلتۈردى. زىكىرىيا ئۆلىدىغان ۋاقتىدا: «پەرۋەردىگار قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ، جازايىڭلارنى بەرسۇن» دېدى. كېيىنكى يىلى ئەتىيازدا ئارراملارنىڭ قوشۇنى يوئاشقا ھۇجۇم قىلىپ، يېرۇسالېم ۋە پۈتۈن يەھۇدىيەگە بېسىپ كىردى. ئۇلار خەلق ئارىسىدىكى بارلىق يولباشچىلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئالغان ئولجىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ دەمەشقتىكى پادىشاھىغا ئەۋەتىپ بەردى. گەرچە ھۇجۇم قىلغانلار ئاررام قوشۇنىنىڭ كىچىك بىر تارمىقى بولسىمۇ، ئەمما پەرۋەردىگار يوئاشنىڭ ناھايىتى چوڭ قوشۇنىنى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، يوئاشنى جازالىدى. چۈنكى يەھۇدىيەلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدادىن ۋاز كەچكەنىدى. ئاررام لەشكەرلىرى چېكىنگەن ۋاقتىدا يوئاش ئېغىر يارىلانغانىدى. ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلىپ، ئۇنى ياتقان يېرىدە ئۆلتۈرۈپ، باش روھانىي يىھويادانىڭ ئوغلىنىڭ قىساسىنى ئالدى. يوئاش ئۆلگەندىن كېيىن «داۋۇت شەھىرى»گە دەپنە قىلىندى، لېكىن پادىشاھ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنمىدى. يوئاشقا سۇيىقەست قىلغانلار شىمئات ئىسىملىك ئاممونلۇق ئايالنىڭ ئوغلى زاباد بىلەن شىمرىت ئىسىملىك موئابلىق ئايالنىڭ ئوغلى يىھوزاباد ئىدى. يوئاشنىڭ ئوغۇللىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار، ئۇ ھەققىدىكى ۋەھىيلەر ۋە ئۇنىڭ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى ئوڭشاتقانلىقى ھەققىدىكى بايانلار «پادىشاھلار تەزكىرىسىگە ئىزاھاتلار»غا پۈتۈلگەندۇر. يوئاشنىڭ ئوغلى ئامازيا ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلدى. ئامازيا تەختكە چىققان چاغدا 25 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 29 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى يېرۇسالېملىق بولۇپ، ئىسمى يىھوئاددان ئىدى. ئامازيا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن چىن دىلى بىلەن قىلغان ئەمەس ئىدى. ئامازيا پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن، ئاتىسىنى قەتل قىلغان ئەمەلدارلارنى ئۆلتۈردى. لېكىن ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرمىدى، چۈنكى مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدا پەرۋەردىگارنىڭ: «ئوغلىنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن ئاتىسىنى ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ، ئاتىسىنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن ئوغلىنى ئۆلتۈرۈشكىمۇ بولمايدۇ. ھەركىم ئۆز گۇناھى ئۈچۈن ئۆلۈشى كېرەك» دېگەن ئەمرى يېزىلغانىدى. ئامازيا يەھۇدىيەلىكلەرنى يىغىپ، يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرى بويىچە مىڭبېشىلار ۋە يۈزبېشىلارنى تەيىنلىدى. ئاندىن يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى نەيزە ۋە قالقان ئىشلىتەلەيدىغان ھەم ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان كىشىلەرنى ساناپ چىقتى. ئۇلار جەمئىي 300 مىڭ سەرخىل ئادەم ئىدى. ئۇ يەنە ئۈچ يېرىم توننا كۈمۈشكە ئىسرائىلىيەدىن 10 مىڭ خىللانغان لەشكەر ياللىدى. ئەمما بىر پەيغەمبەر ئامازيانىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، مۇنداق دېدى: _ ئى پادىشاھى ئالەم، ئىسرائىلىيە لەشكەرلىرى سىلى بىلەن بىرگە بارمىسۇن، چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەلىكلەرگە يار ئەمەستۇر. سىلەر باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلساڭلارمۇ، خۇدا سىلەرنى دۈشمىنىڭلارنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ قىلىدۇ. چۈنكى غەلىبە قىلدۇرىدىغىنىمۇ، مەغلۇپ قىلىدىغىنىمۇ خۇدادۇر. پادىشاھ ئامازيا پەيغەمبەردىن: _ ئىسرائىلىيە لەشكەرلىرىگە تۆلىگەن ئۈچ يېرىم توننا كۈمۈشنى قانداق قىلىمەن؟ _ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار سىلىگە تېخىمۇ كۆپ كۈمۈش ئاتا قىلىشقا قادىردۇر. شۇنىڭ بىلەن ئامازيا ئىسرائىلىيەدىن ياللىغان لەشكەرلەرنى ئۆيلىرىگە قايتۇرۇۋېتىش ئۈچۈن ئايرىدى. ئۇلار يەھۇدىيەلىكلەرگە قاتتىق ئاچچىقلىغان ھالدا غەزەپ بىلەن ئۆيلىرىگە قايتماقچى بولۇشتى. ئامازيا قاتتىق جاسارەتكە كېلىپ، لەشكەرلىرىنى تۇز جىلغىسىغا باشلاپ باردى ۋە ئۇ يەردە سەئىر تاغلىرىدىن كەلگەن 10 مىڭ ئىدوملۇقنى قىرىپ تاشلىدى. ئۇلار يەنە 10 مىڭ ئىدوملۇقنى ئەسىرگە ئېلىپ، ئۇلارنى ئۇ يەردىكى قىيا تاشلاردىن پەسكە يىقىتىپ، سۆڭەكلىرىنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋەتتى. لېكىن ئامازيا قايتۇرۇۋەتكەن، يەنى ئۇرۇش قىلىشقا چىقالمىغان ئىسرائىلىيە لەشكەرلىرى سامارىيەدىن بەيت-خورونغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يەھۇدىيە شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۈچ مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈردى ۋە نۇرغۇن مال-دۇنيانى بۇلاپ كەتتى. ئامازيا ئىدوملۇقلارنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، سەئىردىكى ئىدوملۇقلارنىڭ بۇتلىرىنى ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى ئۆزىگە خۇدا قىلىپ تىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەجدە قىلىپ، قۇربانلىق قىلدى. شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئامازياغا غەزىپى كېلىپ، ئۇنىڭغا بىر پەيغەمبەر ئەۋەتتى. پەيغەمبەر مۇنداق دېدى: _ بۇ ئىلاھلار ئۆز خەلقىنى سېنىڭ قولۇڭدىن قۇتقۇزالمىغانىكەن، يەنە نېمىشقا ئۇلارغا چوقۇنىسەن؟ پەيغەمبەرنىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا، پادىشاھ ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى: _ ئاغزىڭنى يۇم، قاچاندىن بېرى سەن مېنىڭ مەسلىھەتچىم بولۇپ قالدىڭ، ئۆلگۈڭ كەلدىمۇ؟ پەيغەمبەر بىردەم تۇرۇۋېلىپ، يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى: _ مۇشۇ ئىشىڭ ئۈچۈن خۇدانىڭ سېنى ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى بىلىمەن. سەن سۆزۈمگە قۇلاق سالمىدىڭ. شۇنىڭدىن كېيىن يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازيا مەسلىھەتچىلىرى بىلەن كېڭىشىپ، يىھوئاخازنىڭ ئوغلىغا _ يېھۇنىڭ نەۋرىسى ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاشقا ئەلچىلەر ئەۋەتىپ: _ بىز جەڭگاھتا كۆرۈشەيلى! _ دېدى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاش ئەلچى ئەۋەتىپ، يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازياغا مۇنداق دېدى: _ لىۋان تاغلىرىدا بىر تىكەن كېدىر دەرىخىگە: «قىزىڭنى ئوغلۇمغا خوتۇنلۇققا بەر» دەپتۇ. لېكىن لىۋان تاغلىرىدىكى بىر ياۋايى ھايۋان ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، تىكەننى دەسسەپ چەيلىۋېتىپتۇ. سىز: «مەن ئىدوملۇقلارنى مەغلۇپ قىلدىم» دەپ، ھاكاۋۇرلىشىپ، خورىكىڭىز ئۆسۈپ كەتتى. ئەمدى ئۆيىڭىزدە ئولتۇرسىڭىز بولاتتى. نېمىدەپ چاتاق تېرىپ، ئۆزىڭىزنى گۇمران قىلىش بىلەن بىللە يەھۇدىيەنىمۇ گۇمران قىلاي دەيسىز؟ لېكىن ئامازيا ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى. بۇ ئىش خۇدانىڭ ئىرادە قىلغىنى بويىچە بولدى. ئەسلى خۇدا يەھۇدىيەلىكلەرنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرماقچىدى. چۈنكى ئۇلار ئىدوملۇقلارنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنغانىدى. شۇڭا ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاش يەھۇدىيە تەۋەسىدىكى بەيت-شەمەشتە يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازيا بىلەن ئۇرۇشتى. يەھۇدىيەلىكلەر ئىسرائىلىيەلىكلەر تەرىپىدىن مەغلۇپ بولۇپ، ھەممىسى ئۆز ئۆيلىرىگە قېچىپ كېتىشتى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاش يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازيانى _ يوئاشنىڭ ئوغلى، ئاخازيانىڭ نەۋرىسىنى بەيت-شەمەشتە تۇتۇۋالدى. يىھوئاش ئۇنى يېرۇسالېمغا ئەكەلدى. ئاندىن يېرۇسالېمنىڭ «ئەفرايىم دەرۋازىسى»دىن «بۇلۇڭ دەرۋازىسى»غىچە بولغان ئارىلىقتىكى جەمئىي 200 مېتىردەك سېپىلىنى بۇزۇۋەتتى. ئۇ بارلىق ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئوبېد-ئىدومنىڭ باشقۇرۇشىدا تۇرۇۋاتقان بۇيۇملارنى، شۇنداقلا ئوردا خەزىنىلىرىدىكى بايلىقلارنى ۋە گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى ئېلىپ، سامارىيەگە قايتتى. يىھوئاخازنىڭ ئوغلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاش ئۆلگەندىن كېيىن، يوئاشنىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازيا يەنە 15 يىل ئۆمۈر كۆردى. ئامازيا پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى «يەھۇدىيە ۋە ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىسى»گە پۈتۈلگەندۇر. ئامازيا پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈگەن ۋاقتىدىن باشلاپ، يېرۇسالېمدا بەزىلەر ئۇنىڭغا سۇيىقەست پىلانلىغانىدى. كېيىن ئۇ لاكىش شەھىرىگە قېچىپ كەتتى. لېكىن ئۇلار لاكىشقا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى شۇ يەردە ئۆلتۈردى. ئۇنىڭ جەسىتى ئاتقا ئارتىلىپ، قايتۇرۇپ كېلىنىپ، يەھۇدىيەنىڭ پايتەختى يېرۇسالېمدا ئاتا-بوۋىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى. پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقى 16 ياشلىق ئۇززىيانى ئاتىسى ئامازيانىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلدى. ئامازيا ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇززىيا ئېلات شەھىرىنى يەھۇدىيەگە قايتۇرۇپ كېلىپ، قايتىدىن قۇردى. ئۇززىيا تەختكە چىققان چاغدا 16 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 52 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى يېرۇسالېملىق بولۇپ، ئىسمى يىكوليا ئىدى. ئۇززىيا ئاتىسى ئامازياغا ئوخشاشلا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. زىكىرىيا ئۇززىيانى خۇداغا ئىخلاسمەن بولۇشقا يېتەكلىدى. زىكىرىيانىڭ ھايات ۋاقتىدا ئۇززىيا پەرۋەردىگارغا ئىنتىلگەن ۋە خۇدا ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرگەنىدى. ئۇززىيا فىلىستىيەلىكلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، گات، يابنېھ، ئاشدود شەھەرلىرىنىڭ سېپىللىرىنى بۇزۇپ تاشلىدى. ئۇ ئاشدود زېمىنىدا ۋە فىلىستىيەنىڭ باشقا رايونلىرىدا يېڭىدىن شەھەرلەرنى قۇردى. ئۇ خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن فىلىستىيەلىكلەرنى، مىئۇنلارنى ۋە گۇربائالدا ياشايدىغان ئەرەبلەرنى مەغلۇپ قىلدى. ئاممونلار ئۇززىياغا ئولپان تاپشۇرىدىغان بولدى. ئۇززىيا ناھايىتى كۈچىيىپ كەتكەنلىكتىن ئۇنىڭ شۆھرىتى تاكى مىسىرغىچە يېتىپ باردى. ئۇززىيا يېرۇسالېمنىڭ «بۇلۇڭ دەرۋازىسى»، «جىلغا دەرۋازىسى» ۋە سېپىلنىڭ ئايلانمىسىغا مۇستەھكەم مۇنارلارنى سالدى. ئۇ يەنە دالالارغا كۆزىتىش مۇنارلىرىنى ياساتتى. سۇ ساقلاش ئۈچۈن يەر ئاستىغا كۆپ كۆلچەكلەرنى قازدۇردى، چۈنكى غەربىي ئېدىرلىقتا ۋە تۈزلەڭلىكتە ئۇنىڭ نۇرغۇن چارۋا ماللىرى بار ئىدى. ئۇ دېھقان ۋە ئۈزۈمچىلەرنى ياللاپ، تاغلىق رايونلاردا ۋە مۇنبەت يەرلەردە تېرىقچىلىق ئىشلىرىغا سالدى. ئۇ دېھقانچىلىق ۋە ئۈزۈمچىلىكنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇززىيانىڭ رويخەتكە ئېلىنغان لەشكەرلىرىگە ئاساسەن قىسىملارغا بۆلۈنگەن، جەڭگە ياراملىق قوشۇنلىرى بار ئىدى. پۈتۈكچى يىئىئېل ۋە ئەمەلدار مائاسېيا لەشكەرلەرنى تىزىملاشقا مەسئۇل ئىدى. بۇ ئىككىسىنىڭ ئۈستىدىن پادىشاھنىڭ سەركەردىلىرىنىڭ بىرى بولغان خانانيا نازارەتچىلىك قىلاتتى. لەشكەرلەرگە 2600 نەپەر سەركەردىلەر باشچىلىق قىلاتتى. بۇ سەركەردىلەر ئۆز جەمەتلىرىنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى لەشكەرلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 500‏,307 نەپەر بولۇپ، بۇلار ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى. ئۇلار ھەر ۋاقىت پادىشاھنىڭ دۈشمىنىگە قارشى ئۇرۇشقا چىقىشقا تەييار ئىدى. ئۇززىيا پۈتۈن لەشكەرلىرىنى قالقان، نەيزە، دۇبۇلغا، ساۋۇت، ئوقيا ۋە سالغا تاشلىرى بىلەن قوراللاندۇرغانىدى. يا ئوقلىرىنى ۋە يوغان تاشلارنى ئېتىش ئۈچۈن، يېرۇسالېمدىكى ئۇستىلارغا يېڭى قوراللارنى لايىھەلەتتى ۋە ئۇلارنى ياساتقۇزۇپ، شەھەر سېپىلىنىڭ مۇنارلىرىغا ۋە بۇلۇڭلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغۇزدى. خۇدا ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ ناھايىتى كۈچلىنىپ، نام-شەرىپى يىراق يەرلەرگە تارقالدى. ئۇززىيا قۇدرەت تاپقاندىن كېيىن، ھاكاۋۇرلىشىپ، ھالاكەت يولىغا قاراپ ماڭدى. بىر كۈنى ئۇ پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىبادەتخانىغا كىردى ۋە ئىسرىقداندا ئىسرىق كۆيدۈرمەكچى بولدى. باش روھانىي ئازاريا 80 نەپەر يۈرەكلىك روھانىيلارنى ئەگەشتۈرۈپ، پادىشاھنىڭ كەينىدىن ئىبادەتخانىغا كىرىپ، ئۇززىيانى توسماقچى بولدى ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئۇززىيا، پەرۋەردىگارغا ئىسرىق سېلىش سەن قىلىدىغان ئىش ئەمەس. بۇ مۇقەددەس ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى قىلىدىغان ئىشتۇر. سەن بۇ مۇقەددەس جايدىن چىقىپ كەتكىن. سەن ئاللىقاچان خۇدانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلدىڭ. ئەمدى پەرۋەردىگار خۇدا سېنى ئەزىز قىلمايدۇ. قولىدا ئىسرىقدان كۆتۈرۈۋالغان ئۇززىيا روھانىيلارغا قاتتىق ئاچچىقلاندى. ئۇززىيا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا، روھانىيلارنىڭ ئالدىدا، ئىبادەتخانىدىكى ئىسرىقداننىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئاچچىقلىنىۋاتقان دەل شۇ پەيتتە ئۇنىڭ پېشانىسىنى تۇيۇقسىز تېرە كېسىلى قاپلاپ كەتتى. باش روھانىي ئازاريا ۋە بارلىق روھانىيلار بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئۇززىيانى ئىبادەتخانىدىن دەرھال چىقىپ كېتىشكە ئۈندەپ، قولىدىن تارتتى. ئۇ تېزلىك بىلەن چىقىپ كەتتى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا زەربە بەرگەنىدى. ئۇززىيا تاكى ئۆلگۈچە تېرە كېسىلىدىن ساقىيالمىدى. شۇڭا ئۇ ئايرىم ئۆيدە تۇردى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىرىشى چەكلەنىدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئوغلى يوتەم ئوردا ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ، خەلققە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ تۇردى. ئۇززىيا پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەر خاتىرىلەپ قالدۇرغاندۇر. ئۇززىيا ۋاپات بولدى. ئۇ تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاتا-بوۋىلىرى دەپنە قىلىنغان پادىشاھ قەبرىستانلىقىنىڭ بىر چېتىگە دەپنە قىلىندى. ئوغلى يوتەم ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلدى. يوتەم تەختكە چىققان چاغدا 25 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 16 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى زادوقنىڭ قىزى يىرۇشا ئىدى. يوتەم ئاتىسى ئۇززىياغا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئاتىسى ئۇززىيا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىرىپ، گۇناھ ئۆتكۈزگەنىدى، لېكىن يوتەم بۇنداق قىلمىدى. بىراق خەلق يەنىلا يامان ئىش قىلىشنى داۋاملاشتۇردى. يوتەم ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىنىڭ يۇقىرى دەرۋازىسىنى ياساتتى. ئۇ يەنە ئوفەل ئېگىزلىكىنىڭ يانباغرىدىكى سېپىلىنى تېخىمۇ ئۇزارتىپ ياساتتى. ئۇ يەھۇدا تاغلىرىدا شەھەرلەرنى، ئورمانلاردا قورغان ۋە مۇنارلارنى ياساتتى. يوتەم ئاممونلار بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئاممونلار شۇ يىلى ئۈچ يېرىم توننا كۈمۈش، 700 توننا بۇغداي ۋە 700 توننا ئارپا ئولپان تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى يىللاردىمۇ شۇ مىقداردا تاپشۇردى. يوتەم پەرۋەردىگار خۇدانىڭ يولىنى تۇتقانلىقى ئۈچۈن، پادىشاھلىقى قۇدرەت تاپتى. يوتەم پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ھەرىكەتلىرى، قىلغان بارلىق ئۇرۇشلىرى ۋە ئەمەللىرى «ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىسى»گە پۈتۈلگەندۇر. ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 25 ياش ئىدى. يېرۇسالېمدا 16 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. يوتەم ۋاپات بولۇپ، «داۋۇت شەھىرى»گە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئاخاز ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى. ئاخاز تەختكە چىققان چاغدا 20 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 16 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئەجدادى داۋۇت پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئاخاز پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلمىدى. ئەكسىچە ئۇ ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ يولىغا كىرىپ كەتتى. ئۇ بائالغا چوقۇنۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ بۇتلىرىنى ياسىدى. ئۇ بەنھىننوم جىلغىسىدا بۇتلارغا ئاتاپ، قۇربانلىقلارنى كۆيدۈردى ھەمدە پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇلارنىڭ زېمىنىدىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتكەن يات ئەللەرنى دوراپ، يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلدى. ھەتتا ئۆز ئوغۇللىرىنىمۇ قۇربانلىق قىلىپ، ئوتتا كۆيدۈردى. ئۇ غەيرىي سەجدىگاھلاردا، ئېگىزلىكلەردە ۋە ھەربىر باراقسان ئۆسكەن دەرەخ تۈۋىلىرىدە قۇربانلىق قىلىپ، ئىسرىق سالدى. شۇڭا پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنى ئاررام پادىشاھىنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. ئارراملار ئۇنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇنىڭ نۇرغۇن لەشكىرىنى ئەسىر ئېلىپ، دەمەشققە ئېلىپ كەتتى. پەرۋەردىگار ئاخازنى ئىسرائىلىيە پادىشاھىنىڭ قولىغىمۇ چۈشۈرۈپ بەردى، ئۇلار قاتتىق مەغلۇپ قىلىندى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى _ رىماليانىڭ ئوغلى پەقاخ بىر كۈننىڭ ئىچىدە يەھۇدىيەنىڭ خىللانغان 120 مىڭ لەشكىرىنى قىرىپ تاشلىدى. چۈنكى يەھۇدىيەلىكلەر ئەجدادلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدادىن يۈز ئۆرۈگەنىدى. ئەفرايىم قەبىلىسىدىن بولغان باتۇر زىكرى ئاخاز پادىشاھنىڭ ئوغلى مائاسېيانى، ساراي غوجىدارى ئازرىقامنى ۋە پادىشاھنىڭ ئوڭ قول ۋەزىرى ئەلقانانى ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئىسرائىلىيەنىڭ لەشكەرلىرى يەھۇدىيەلىك قېرىنداشلىرىدىن ئاياللار، بالىلار بولۇپ 200 مىڭ ئادەمنى ئەسىر ئالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە زور مىقداردىكى ئولجىلارنى سامارىيە شەھىرىگە ئېلىپ كەتتى. سامارىيەدە ئودېد ئىسىملىك پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەيغەمبىرى بار ئىدى. ئۇ شەھەردىن چىقىپ، قايتىپ كەلگەن ئىسرائىلىيەلىك لەشكەرلەرنى قارشى ئالدى ۋە ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ قاراڭلار، ئەجدادلىرىڭلارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا يەھۇدىيەلىكلەرگە غەزەپ قىلغانلىقتىن، ئۇلارنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بەرگەنىدى. ئەمما سىلەر پەلەككە يەتكۈدەك چەكسىز غەزىپىڭلار بىلەن ئۇلارنى قىرغىن قىلدىڭلار. سىلەر ئەمدى يەھۇدىيەنىڭ، جۈملىدىن يېرۇسالېمنىڭ ئەر-ئاياللىرىنى قۇل قىلماقچى بولۇۋاتىسىلەر. سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئالدىدا گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلماقچىمۇ؟ سىلەر يەنىلا مېنىڭ نەسىھەتىمنى ئاڭلاپ، ئەسىر قىلىپ ئېلىپ كەلگەن قېرىندىشىڭلارنى قويۇۋېتىڭلار. ھازىر پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى بېشىڭلارغا كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ ئاقساقاللىرى بولغان يىھوخاناننىڭ ئوغلى ئازاريا، مىشىللېموتنىڭ ئوغلى بەرەكيا، شاللۇمنىڭ ئوغلى خىزكىيا ۋە خادلاينىڭ ئوغلى ئاماسالار ئۇرۇشتىن قايتىپ كەلگەن لەشكەرلەرنىڭ ئالدىنى توستى ۋە مۇنداق دېدى: _ سىلەر بۇ ئەسىرلەرنى سامارىيەگە ئېلىپ كىرسەڭلار بولمايدۇ. ھېلىمۇ بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئېغىردۇر. پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى بىز ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ بېشىغا كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. بىز پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ، گۇناھىمىزنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋالمايلى. شۇنىڭ بىلەن لەشكەرلەر ئەسىرلەر ۋە ئولجىلارنى ئاقساقاللار ۋە پۈتۈن جامائەتكە تاپشۇرۇپ بېرىشتى. بەلگىلەنگەن مەسئۇل كىشىلەر ئەسىرلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، ئولجىلارنىڭ ئىچىدىن كىيىم-كېچەك ۋە ئاياغلارنى ئېلىپ، كىيىمسىز ئەسىرلەرگە كىيگۈزۈپ قويدى، يېمەك-ئىچمەك بەردى، يارىلىرىغا ماي سۈرتتى، ئاجىزلىرىنى ئېشەككە مىندۈردى. ئەسىرلەرنى خورمىزارلىق شەھەر ئېرىخاغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئاندىن سامارىيەگە قايتىپ كەتتى. شۇ چاغدا پادىشاھ ئاخاز ئاسسۇر پادىشاھىدىن ياردەم سوراپ، ئادەم ئەۋەتتى. چۈنكى ئىدوملۇقلار يەنە يەھۇدىيەگە ھۇجۇم قىلىپ، ئادەملىرىنى تۇتۇپ كەتكەنىدى. فىلىستىيەلىكلەرمۇ غەربىي ئېدىرلىقلارغا ۋە يەھۇدىيەنىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلغانىدى. ئۇلار بەيت-شەمەش، ئاييالون، گىدېروت شەھەرلىرىنى، شۇنداقلا سوكوھ، تىمناھ، گىمزو شەھەرلىرىنى ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلىرى بىلەن قوشۇپ بېسىۋېلىپ، ئۇ يەرلەردە تۇرۇۋاتاتتى. پەرۋەردىگار يەھۇدىيەنى شۇنچىلىك ئىزا-ئاھانەتكە قويغانىدى، چۈنكى پادىشاھ ئاخاز پەرۋەردىگارغا قاتتىق ساداقەتسىزلىك قىلىپ، يەھۇدىيەلىكلەرنى گۇناھ يولىغا مېڭىشىغا يېتەكلىۋاتاتتى. ئاسسۇر پادىشاھى تىگلات-پىلئەسەر يەھۇدىيەگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇ ئاخازغا ياردەم بەرمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە ئۇنىڭغا تېخىمۇ زۇلۇم سالدى. ئاخاز پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن، ئوردا ۋە ئوردا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆيلىرىدىن بايلىقلارنى ئېلىپ چىقىپ، ئاسسۇر پادىشاھىغا بەردى، لېكىن بۇ ئەسقاتمىدى. ئاخاز قىيىنچىلىق مەزگىلىدىمۇ يەنىلا پەرۋەردىگارغا تېخىمۇ كۆپلەپ ئاسىيلىق قىلدى. ئۇ ئۆزىنى مەغلۇپ قىلغان دەمەشقلىقلارنىڭ ئىلاھلىرىغا سەجدە قىلدى، چۈنكى ئۇ «ئاررام پادىشاھىنىڭ ئىلاھلىرى ئارراملىقلارغا ياردەم قىلغانىكەن، مەن ئۇلار ئۈچۈن قۇربانلىق قىلسام، ئۇلار ماڭا ياردەم قىلىدۇ» دەپ ئويلىغانىدى. ۋاھالەنكى ئۇ ئىلاھلار ئاخازنى ۋە پۈتۈن ئىسرائىلىيەنى ھالاكەتكە دۇچار قىلدى. ئاخاز خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ بۇزۇۋەتتى. پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى تاقىۋەتتى. يېرۇسالېمنىڭ ھەربىر بۇرجىكىگە غەيرىي ئىلاھلار ئۈچۈن قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ياساتتى. يەھۇدىيەنىڭ ھەممە شەھەرلىرىدە غەيرىي سەجدىگاھلارنى ياسىتىپ، ساختا ئىلاھلارغا قۇربانلىق قىلىپ، ئەجدادلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى. ئاخاز پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە ئەمەللىرى «يەھۇدىيە ۋە ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىسى»گە پۈتۈلگەندۇر. ئاخاز ۋاپات بولۇپ، يېرۇسالېم شەھىرىدە دەپنە قىلىندى، لېكىن پادىشاھ قەبرىستانلىقىغا قويۇلمىدى. ئوغلى خىزكىيا ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى. خىزكىيا تەختكە چىققان چاغدا 25 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 29 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى زىكىرىيانىڭ قىزى ئابىيا ئىدى. خىزكىيا خۇددى ئەجدادى داۋۇتقا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. خىزكىيا تەختكە چىققان يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئېچىپ، ئۇلارنى ئوڭشاتتى. ئۇ روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنى شەرقىي مەيدانغا چاقىرىپ، مۇنداق دېدى: _ ئەي لاۋىيلار، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! ھازىر سىلەر ئۆزۈڭلارنى پاكلاڭلار ۋە ئەجدادلىرىڭلارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ناپاك نەرسىلەرنى چىقىرىۋېتىپ، ئىبادەتخانىنىمۇ پاكلاڭلار. ئەجدادلىرىمىز ساداقەتسىزلىك قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئۇلار ئۇنىڭدىن ۋاز كەچتى. ئۇلار پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈپ، ئىبادەتخانىغا ئارقىسىنى قىلدى. ئۇلار ئىبادەتخانا ئايۋانىنىڭ ئىشىكىنى پېچەتلەپ، چىراغلارنى ئۆچۈرۈۋەتتى. ئىبادەتخانىدا ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇداغا ئاتاپ ئىسرىق سالمايدىغان، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلمايدىغان بولدى. شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ يېرۇسالېم ۋە پۈتۈن يەھۇدىيەگە غەزىپى كېلىپ، ئۇلارنى دەھشەتلىك قورقۇنچ، ۋەھىمە ۋە مەسخىرىگە قويدى. بۇنى سىلەر ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار. ئەجدادلىرىمىز قىلىچ ئاستىدا ئۆلۈپ، خوتۇن-بالىلىرى ئەسىر بولدى. شۇڭا مەن ھازىر ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا بىلەن ئەھدە تۈزۈپ، غەزىپىنى بىزدىن يىراق قىلىش نىيىتىگە كەلدىم. ئەي ئوغلانلىرىم، ئەمدى بىپەرۋالىق قىلماڭلار! پەرۋەردىگار سىلەرنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ۋە ئۆزى ئۈچۈن ئىسرىق سېلىشقا تاللىدى. شۇنىڭ بىلەن لاۋىيلار ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى ئاتقۇرۇشقا باشلىدى. ئۇلار تۆۋەندىكىلەر ئىدى: قوھات جەمەتىدىن ئاماساينىڭ ئوغلى ماخات، ئازاريانىڭ ئوغلى يوئېل؛ مىرارى جەمەتىدىن ئابدىنىڭ ئوغلى كىش، يىھاللەلئېلنىڭ ئوغلى ئازارىيا؛ گېرشون جەمەتىدىن زىمماھنىڭ ئوغلى يوئاخ، يوئاخنىڭ ئوغلى ئېدەن؛ ئەلىزافان جەمەتىدىن شىمرى، يىئىئېل؛ ئاساف جەمەتىدىن زىكىرىيا، ماتتانيا؛ ھېمان جەمەتىدىن يىخىئېل، شىمئى؛ يىدۇتۇن جەمەتىدىن شىمايا ۋە ئۇززىئېل. ئۇلار باشقا لاۋىيلارنى چاقىرىپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئۆزلىرىنى پاكلىدى ھەمدە پادىشاھنىڭ بۇيرۇغىنى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى پاكلاشقا كەلدى. روھانىيلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىرىپ، بارلىق ناپاك نەرسىلەرنى ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىغا ئېلىپ چىقتى. لاۋىيلار بۇلارنى شەھەرنىڭ سىرتىدىكى قىدرون جىلغىسىغا ئېلىپ بېرىپ، تاشلىۋەتتى. ئۇلار 1-ئاينىڭ 1-كۈنى پاكلاش خىزمىتىنى باشلىدى. سەككىز كۈن ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىنى، يەنە سەككىز كۈن ئايۋاندىن باشلاپ ئىبادەتخانىنى پاكلىدى. 1-ئاينىڭ 16-كۈنى ئىبادەتخانىنى پاكلاش خىزمىتىنى تاماملىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن لاۋىيلار پادىشاھ خىزكىيانىڭ قېشىغا بېرىپ: _ بىز پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى، كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسىنى، قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىشلىتىدىغان نەرسىلەرنى ۋە نانلارنى تىزىدىغان شىرەنى ھەمدە شىرەنىڭ ئۈستىدىكى قاچا-قۇچىلارنى پاكلىدۇق. پادىشاھ ئاخاز ساداقەتسىزلىك قىلىپ تاشلىۋەتكەن ئىبادەتخانىنىڭ نەرسىلىرىنى پاكلاپ، قايتىدىن پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويدۇق، _ دەپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلدى. پادىشاھ خىزكىيا ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ، شەھەر ئەمەلدارلىرىنى يىغىپ، بىرلىكتە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا باردى. ئۇلار پادىشاھ جەمەتى، مۇقەددەس جاي ۋە يەھۇدىيە ئۈچۈن يەتتە تۇياق بۇقا، يەتتە تۇياق قوچقار، يەتتە تۇياق پاقلاننى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىشقا، يەنە يەتتە تۇياق تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىشقا ئەكەلدى. پادىشاھ خىزكىيا ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى بولغان روھانىيلارنى قۇربانلىق ئۈچۈن ئەكېلىنگەن بۇ ھايۋانلارنى پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىغا ئاپىرىشىنى بۇيرۇدى. بۇقىلار بوغۇزلانغاندىن كېيىن، روھانىيلار قېنىنى ئېلىپ كېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىغا چاچتى. ئاندىن قوچقارلارنى بوغۇزلاپ، قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىغا چاچتى، يەنە پاقلانلارنىمۇ بوغۇزلاپ، قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىغا چاچتى. ئۇنىڭدىن كېيىن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن تەييارلانغان تېكىلەر پادىشاھ ۋە جامائەتنىڭ ئالدىغا ئەكېلىندى، ئۇلار قوللىرىنى تېكىلەرنىڭ بېشىنىڭ ئۈستىگە قويۇشتى. روھانىيلار تېكىلەرنى بوغۇزلىدى ۋە تېكىلەرنى ئىسرائىللار ئۈچۈن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇندى. قۇربانلىقنىڭ قېنىنى ئىسرائىللارنى گۇناھتىن ساقىت قىلىش ئۈچۈن قۇربانلىق سۇپىسىغا چاچتى. چۈنكى پادىشاھ بارلىق ئىسرائىللار ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىشىنى بۇيرۇغانىدى. پادىشاھ خىزكىيا داۋۇتنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى كۆرسەتمىلىرى بويىچە لاۋىيلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىسىدا جاڭ، چىلتار، لىرا چالىدىغانغا ئورۇنلاشتۇردى. بۇ كۆرسەتمىلەرنى پەرۋەردىگار پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولغان غايىبنى بىلگۈچى گاد ۋە ناتان پەيغەمبەر ئارقىلىق داۋۇتقا بەرگەنىدى. لاۋىيلار داۋۇتنىڭ سازلىرىنى، روھانىيلار كانايلارنى چالىدىغان بولدى. پادىشاھ خىزكىيا قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈردى. كۆيدۈرمە قۇربانلىق باشلانغان ۋاقتىدا، لاۋىيلار پەرۋەردىگارغا ئاتالغان مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئوقۇشقا باشلىدى. كانايلار داۋۇت پادىشاھنىڭ سازلىرىغا تەڭكەش قىلىنىپ چېلىندى. پۈتۈن جامائەت تاكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق تامام بولغۇچە ناخشا ۋە كاناي ئاۋازىغا ئەگىشىپ، سەجدە قىلىشتى. كۆيدۈرمە قۇربانلىق تامام بولغاندىن كېيىن، پادىشاھ ۋە ئەمەلدارلار تىزلىنىپ سەجدە قىلىشتى. پادىشاھ خىزكىيا ۋە ئەمەلدارلار لاۋىيلارنى داۋۇتنىڭ ۋە غايىبنى بىلگۈچى ئاسافنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇپ، پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەشكە بۇيرۇدى. ئۇلار شادلانغان ھالدا ناخشا ئېيتىپ، باشلىرىنى يەرگە تەگكۈزۈپ، سەجدە قىلىشتى. پادىشاھ خىزكىيا جامائەتكە مۇنداق دېدى: _ سىلەر ئۆزۈڭلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتىغانىكەنسىلەر، ئۇنداقتا ھازىر سىلەر مىننەتدارلىق قۇربانلىقلىرى ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئەكېلىڭلار. شۇنىڭ بىلەن جامائەت مىننەتدارلىق قۇربانلىقلىرى ۋە باشقا قۇربانلىقلىرىنى ئەكېلىشكە باشلىدى. بەزىلىرى ئۆز رازىلىقى بىلەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنىمۇ ئەكېلىشتى. جامائەت پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن 70 تۇياق كالا، 100 تۇياق قوچقار ۋە 200 تۇياق پاقلان ھەدىيە قىلىشتى. باشقا قۇربانلىقلار ئۈچۈن 600 تۇياق كالا، 3000 تۇياق قوي ۋە ئۆچكە ھەدىيە قىلىشتى. لېكىن روھانىيلارنىڭ سانى بەك ئاز بولغاچقا، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنىدىغان ماللارنى سويۇپ بولالمىدى. شۇڭا روھانىيلارغا قېرىنداش بولغان لاۋىيلار تاكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنىدىغان ماللار سويۇلۇپ بولغۇچە ۋە باشقا روھانىيلارمۇ ئۆزلىرىنى پاكلىغۇچە روھانىيلارغا ياردەملەشتى. لاۋىيلار ئۆزلىرىنى پاكلاشنى روھانىيلارغا قارىغاندا مۇھىم بىلگەنىدى. ھەدىيە قىلىنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ناھايىتى كۆپ ئىدى. ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن سويۇلغان ماللارنىڭ مېيى كۆيدۈرۈلۈشى، كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن بىرگە ھەدىيە قىلىنغان ئىچىملىك ھەدىيەلىرى قۇربانلىق سۇپىسىغا قۇيۇلۇشىمۇ كېرەك ئىدى. شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ئىشلار ئەسلىگە كەلدى. خىزكىيا ۋە پۈتۈن خەلق خۇدانىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىدىن شاد-خۇرام بولدى. بۇ ئىشلار ناھايىتى تېز ئەمەلگە ئاشقانىدى. خىزكىيا پۈتۈن ئىسرائىلىيەلىكلەر ۋە يەھۇدىيەلىكلەرگە ئادەم ئەۋەتىپ، ئەفرايىم ۋە ماناسسە قەبىلىلىرىگىمۇ مەكتۇپ يېزىپ، ھەممىسىنى يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا تەكلىپ قىلدى. ئۇ يەردە ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇداغا ئاتاپ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈلمەكچىدى. پادىشاھ، ئەمەلدارلار ۋە يېرۇسالېمدىكى پۈتۈن جامائەت بىرلىكتە 2-ئايدا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغانىدى. ئۇلار 1-ئايدا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزەلمەيتتى، سەۋەبى ئۆزلىرىنى پاكلىغان روھانىيلار تېخى يېتەرلىك ئەمەس ئىدى. جامائەتمۇ تېخى يېرۇسالېمغا يىغىلىپ بولالمىغانىدى. پادىشاھ ۋە جامائەتمۇ بۇنى لايىق كۆرگەنىدى. شۇڭا پادىشاھ ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇداغا ئاتاپ يېرۇسالېمدا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈش ھەققىدە پۈتۈن ئىسرائىللارغا، يەنى بەئەرشەبادىن تاكى دانغىچە بولغان ئارىلىقتىكى بارلىق كىشىلەرگە چاقىرىق ئېلان قىلدى. چۈنكى خېلى ۋاقىتتىن بېرى پۈتۈن خەلق بىر يەرگە جەم بولۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگىنى بويىچە بۇ ھېيتنى ئۆتكۈزۈپ باقمىغانىدى. چاپارمەنلەر پادىشاھنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن پادىشاھ ۋە ئەمەلدارلارنىڭ چاقىرىق مەكتۇپىنى ئېلىپ، پۈتۈن ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەنى ئايلاندى. چاقىرىقتا مۇنداق دېيىلگەنىدى: _ ئەي ئىسرائىللار، سىلەر ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ يولىغا قايتىڭلار. شۇندىلا ئۇ ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ قولىدىن قېچىپ قۇتۇلغان سىلەرگە قايتا يار بولىدۇ. سىلەر ئەجدادلىرىڭلاردىن، ئىسرائىلىيەلىك قېرىندىشىڭلاردىن ئۈلگە ئالماڭلار. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇداغا سادىق بولمىغانلىقى ئۈچۈن، خۇددى سىلەر بۈگۈن كۆرۈپ تۇرغاندەك، پەرۋەردىگار ئۇلارنى ناھايىتى قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتكە دۇچار قىلدى. ھازىر سىلەر ئەجدادلىرىڭلارغا ئوخشاش بوينۇڭلارنى قاتتىق قىلماي، پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭ مۇقەددەس ۋە مەڭگۈلۈك ماكانى بولغان ئىبادەتخانىغا كېلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىبادەت قىلىڭلار. شۇندىلا ئۇنىڭ قەھر-غەزىپى سىلەردىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. ئەگەر سىلەر ئۇنىڭ يولىغا قايتساڭلار، ئۇ قېرىندىشىڭلارنى، قىز-ئوغۇللىرىڭلارنى تۇتۇپ كەتكەن دۈشمەننىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ بۇ زېمىنغا ئامان-ئېسەن قايتىپ كېلىشىگە يول قويىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا رەھىمدىل ۋە مېھرىباندۇر. سىلەر ئۇنىڭ يولىغا قايتساڭلار، ئۇ سىلەردىن يۈز ئۆرۈمەيدۇ. چاپارمەنلەر بۇ چاقىرىقنى ئەفرايىم ۋە ماناسسەدىن تارتىپ تاكى زەبۇلۇنغىچە يەتكۈزدى. لېكىن ئۇ يەردىكى كىشىلەر چاپارمەنلەرنى مەسخىرە قىلىشىپ كۈلۈشتى. پەقەت ئاشېر، ماناسسە ۋە زەبۇلۇن قەبىلىلىرىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر كەمتەرلىك بىلەن چاقىرىقنى قوبۇل قىلىپ، يېرۇسالېمغا كېلىشتى. پەرۋەردىگار خۇدا يەھۇدىيەلىكلەرنىمۇ تەسىرلەندۈرۈپ، ئۇلارنى بىر نىيەت، بىر مەقسەتكە كەلتۈردى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە پادىشاھى ۋە ئەمەلدارلىرى بەرگەن پەرمانغا بويسۇندى. 2-ئايدا ناھايىتى كۆپ خەلق يېرۇسالېمدا جەم بولۇپ، پېتىر نان ھېيتىنى ئۆتكۈزدى. ئالدى بىلەن ئۇلار يېرۇسالېمدىكى غەيرىي قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ۋە ئىسرىقدانلارنى بۇزۇپ، ئۇلارنى قىدرون جىلغىسىغا تاشلىۋەتتى. ئۇلار 2-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ماللىرىنى بوغۇزلىدى. ئۆزلىرىنى 1-ئايدا پاكلاشقا ئۈلگۈرەلمىگەن روھانىي ۋە لاۋىيلار خىجىل بولۇپ، ئۆزلىرىنى پاكلاش ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئېلىپ كەلگەنىدى. ئاندىن كېيىن خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى بولغان مۇسانىڭ قانۇنىدىكى كۆرسەتمىلەر بويىچە ئىش قىلىپ، ئۆز جايلىرىدا تۇردى. روھانىيلار لاۋىيلارنىڭ قولىدىكى قاننى ئېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىغا چاچتى. جامائەتنىڭ ئارىسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىنى پاكلىمىغانلىقى ئۈچۈن، لاۋىيلار ئۇلارغا ۋاكالىتەن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۈچۈن تەييارلانغان ماللارنى بوغۇزلاپ پەرۋەردىگارغا ئاتىدى. پەرۋەردىگار خىزكىيانىڭ دۇئاسىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنى كەچۈردى. يېرۇسالېمغا يىغىلغان ئىسرائىللار پېتىر نان ھېيتىنى يەتتە كۈن ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن ئۆتكۈزدى. روھانىي ۋە لاۋىيلار ياڭراق سازلارنى چېلىپ، ھەر كۈنى پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلىدى. خىزكىيا پەرۋەردىگار ئۈچۈن سەمىمىيلىك بىلەن ئىش قىلغان بارلىق لاۋىيلارنى ماختىدى. جامائەت ھېيت زىياپىتى بىلەن يەتتە كۈننى ئۆتكۈزدى. ئۇلار ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنۇپ، ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇداغا شۈكۈر ئېيتتى. پۈتۈن جامائەت مەسلىھەتلىشىپ، ھېيتنى يەنە يەتتە كۈن ئۆتكۈزۈشكە كېلىشتى. شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك خۇشال-خۇراملىق بىلەن يەنە يەتتە كۈن ھېيت ئۆتكۈزدى. يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىيا كۆپچىلىككە مىڭ تۇياق بۇقا، يەتتە مىڭ تۇياق قوي ۋە ئۆچكە ھەدىيە قىلدى. ئەمەلدارلارمۇ مىڭ تۇياق بۇقا، ئون مىڭ تۇياق قوي ۋە ئۆچكە ھەدىيە قىلىشتى. نۇرغۇنلىغان روھانىيلار ئۆزلىرىنى پاكلىدى. يەھۇدىيەدىكى پۈتۈن خەلق، روھانىيلار، لاۋىيلار، ئىسرائىلىيەدىن كەلگەن ئىسرائىللار ۋە يات خەلقلەر، شۇنداقلا يەھۇدىيەدە تۇرۇۋاتقان يات خەلقلەر خۇشاللىققا چۆمدى. پۈتۈن يېرۇسالېملىقلار شادلاندى، چۈنكى داۋۇتنىڭ ئوغلى _ ئىسرائىلىيە پادىشاھى بولغان سۇلايماندىن كېيىن يېرۇسالېمدا بۇنداق بىر تەنتەنە بولۇپ باقمىغانىدى. روھانىيلار ۋە لاۋىيلار خەلققە بەخت تىلەشتى. ئۇلارنىڭ دۇئالىرى خۇدانىڭ سامادىكى مۇقەددەس ماكانىغا يېتىپ باردى. ھەممە ئىشلار تۈگىگەندىن كېيىن، توپلانغان ئىسرائىللار يەھۇدىيە، بىنيامىن، ئەفرايىم، ماناسسە زېمىنلىرىدىكى ھەممە شەھەرلەرگە بېرىپ، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلەرنى چاقتى. ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى ۋەيران قىلدى. غەيرىي سەجدىگاھلار ۋە قۇربانلىق سۇپىلارنى بۇزدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆز شەھەرلىرىگە ۋە ئۆيلىرىگە قايتىپ كېتىشتى. خىزكىيا روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنى توپلارغا بۆلدى ۋە ئۇلارغا ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇردى. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى قىلىش، پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىش ۋە مەدھىيە ئوقۇش، شۇنداقلا باشقا خىزمەتلەرنى قىلىش ئىدى. پادىشاھ ئۆز مال-مۈلكىنىڭ بىر قىسمىنى پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارغا، يەنى سەھەردە ۋە كەچتە قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارغا، دەم ئېلىش كۈنلىرى، يېڭى ئاي كۈنلىرى ۋە باشقا بەلگىلەنگەن بايرام كۈنلىرى قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارغا ئاجراتتى. ئۇ يېرۇسالېم خەلقىگە: _ روھانىيلار ۋە لاۋىيلارغا ئۇلارنىڭ ئېرىشىشكە تېگىشلىك قىسمىنى بېرىڭلار. شۇنداق بولغاندا ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ۋەزىپىلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ بېجىرىدۇ، _ دېدى. پادىشاھ بۇيرۇق قىلىشى بىلەنلا يېرۇسالېملىقلار تۇنجى يىغقان ئاشلىقى، شارابى، زەيتۇن يېغى، ھەسىلى ۋە ئېتىزىدىن چىققان زىرائەتلىرىدىن ھەدىيە قىلىشتى. ھەدىيە قىلىنغان ئوندىن بىر ئۈلۈش بۇ نەرسىلەر ناھايىتى كۆپ ئىدى. يەھۇدىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە تۇرۇۋاتقان ئىسرائىللار ئەكەلگەن كالا، قوي ۋە پەرۋەردىگار خۇداغا ئاتىغان باشقا نەرسىلەرنىڭ ئوندىن بىرىمۇ شۇنچە كۆپ بولۇپ كەتكەنىدى. ئۇلار ئەتىيازنىڭ ئاخىرى ھەدىيە قىلىشنى باشلىغان بولۇپ، كۈزنىڭ بېشىغا كەلگەندە ئاخىرلاشتى. خىزكىيا ۋە ئەمەلدارلار دۆۋىلىنىپ كەتكەن نەرسىلەرنى كۆرۈپ، پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇدى ھەمدە پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللارغا بەخت تىلىدى. خىزكىيا دۆۋىلىنىپ كەتكەن بۇ نەرسىلەر ھەققىدە روھانىيلار ۋە لاۋىيلاردىن سوئال سورىدى. زادوق جەمەتىدىن بولغان باش روھانىي ئازاريا جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى: _ خەلق پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئىئانە ئەكەلگەندىن كېيىن، بىز تويغۇچە يەپ-ئىچتۇق، شۇنداقتىمۇ يەنە مۇشۇنداق نۇرغۇنى ئېشىپ قالدى. پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ خەلقىگە بەرىكەت ئاتا قىلغاچقا، مۇشۇنداق كۆپ ئېشىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن خىزكىيا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئامبارلار تەييارلاش بۇيرۇقىنى بەردى. ئامبارلار تەييارلانغاندىن كېيىن، ئۇلار ئىئانىلەر، ئوندىن بىر ئۆلۈشى بويىچە ئەكېلىنگەن نەرسىلەر ۋە پەرۋەردىگارغا ئاتالغان باشقا نەرسىلەرنى ئامبارلارغا سەمىمىيلىك بىلەن ئەكىرىپ قويدى. بۇ ئىشقا لاۋىيلاردىن بولغان كونانيا مەسئۇل بولدى. ئۇنىڭ ئىنىسى شىمئى ياردەمچىسى بولدى. يىخىئېل، ئازازيا، ناخات، ئاسائېل، يىرىموت، يوزاباد، ئەلىئېل، يىسماكيا، ماخات ۋە بىنايالار كونانيا ۋە شىمئىغا ياردەملىشىپ، نازارەتچىلىك قىلىدىغان بولدى. بۇلارنى پادىشاھ خىزكىيا ۋە خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ باش نازارەتچىسى ئازاريا بەلگىلىگەنىدى. لاۋىيلاردىن بولغان يىمناھنىڭ ئوغلى كورې ئىبادەتخانىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىنىڭ دەرۋازىۋىنى ئىدى. ئۇ خۇداغا خالىس قىلىنغان ھەدىيەلەرنى باشقۇرۇشقا ھەم پەرۋەردىگارغا سۇنۇلغان ئىئانىلەرنى ۋە ئەڭ مۇقەددەس ھەدىيەلەرنى تەقسىملەشكە مەسئۇل ئىدى. ئېدەن، مىنيامىن، يېشۇۋا، شىمايا، ئاماريا، شىكانيالار كورېنىڭ سادىق ياردەمچىلىرى بولۇپ، ئۇلار روھانىيلار ياشايدىغان باشقا شەھەرلەردە نەرسىلەرنى ئۇلارغا توپلار بويىچە قېرى-ياش دېمەي، بۆلۈپ بېرەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان، نۆۋەتچىلىك قىلىدىغان ھەم رويخەتكە ئېلىنغان ئەركەكلەرگە، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۈچ ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى ئوغۇللىرىغا نەرسىلەر تارقىتىپ بېرەتتى. روھانىيلارغا ئائىلە نەسەبنامىسى بويىچە، يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى لاۋىيلارغا نۆۋەتچىلىك خىزمىتى ۋە ۋەزىپىسى بويىچە نەرسىلەر تارقىتىپ بېرىلەتتى. ئۇلارنىڭ نەسەبنامىلىرى بارلىق خوتۇن، بالىچاقىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. چۈنكى ئۇلارمۇ سەمىمىيلىك بىلەن ئۆزلىرىنى پاكلايتتى. باشقا شەھەرلەرنىڭ ئوتلاقلىرىدا ياشايدىغان ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى بولغان روھانىيلارغىمۇ نەرسە تارقىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئادەملەر ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى ئارىسىدىكى بارلىق ئەركەكلەرگە ۋە رويخەتكە ئېلىنغان لاۋىيلارغا تەۋە نېسىۋىلىرىنى تارقىتىپ بېرىش ئىدى. پادىشاھ خىزكىيا بۇ ئىشلارنى پۈتۈن يەھۇدىيەدە ئەمەلگە ئاشۇردى. ئۇ ئۆزى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نەزىرىدە ياخشى ۋە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى سەمىمىيلىك بىلەن قىلدى. ئۇ مەيلى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ئىشلار توغرىسىدا بولسۇن، مەيلى قانۇن ياكى ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىش توغرىسىدا بولسۇن، ھەممىسىدە خۇدادىن يول سورىدى، چىن قەلبى بىلەن بېجىردى. شۇڭا ئۇنىڭ ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولدى. پادىشاھ خىزكىيا بۇ ئىشلارنى سەمىمىيلىك بىلەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىب يەھۇدىيەگە باستۇرۇپ كەلدى. ئۇ سېپىللىرى مۇستەھكەم بولغان شەھەرلەرنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى قورشاۋغا ئالدى. پادىشاھ خىزكىيا ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىبنىڭ يېرۇسالېمغىمۇ ھۇجۇم قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلىپ، ئەمەلدارلىرى ۋە لەشكەر باشلىرى بىلەن مەسلىھەت قىلدى. خىزكىيا شەھەرنىڭ سىرتىدىكى سۇ مەنبەسى بولغان بۇلاقلارنى ئۈزۈۋېتىش قارارىغا كەلدى، جامائەتمۇ بۇنى قوللىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار زور مىقداردا ئادەم توپلاپ، بارلىق سۇ مەنبەلىرى بولغان بۇلاقلارنى ۋە دالاغا قاراپ ئاقىدىغان ئېقىننى توسۇپ، ئاسسۇر پادىشاھىغا يېتەرلىك سۇ قالدۇرمىدى. خىزكىيا بۇزۇلغان شەھەر سېپىللىرىنى ياسىتىش قارارىغا كەلدى. مۇنارلارنى ئېگىزلەتتى. شەھەر سېپىلىنىڭ سىرتىغا يەنە بىر قات سېپىل سالدۇردى. «داۋۇت شەھىرى»دىكى «تىندۇرۇلغان يەر»نىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىپ، نۇرغۇن قورال-ياراغ ۋە قالقانلار ياساتتى. ئۇ قوشۇنلىرىغا سەركەردىلەرنى تەيىنلەپ، خەلقنى شەھەر دەرۋازىسى يېنىدىكى مەيدانغا توپلىدى. ئۇ خەلققە ئىلھام بېرىپ، مۇنداق دېدى: _ سىلەر قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بولۇڭلار. ئاسسۇر پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ زور قوشۇنىدىن || قورقماڭلار، ئۈمىدسىزلەنمەڭلار | قورقۇپ، بوشىشىپ كەتمەڭلار ||. چۈنكى بىزگە يار بولغۇچى ئۇنىڭغا يار بولغۇچىدىن تېخىمۇ قۇدرەتلىكتۇر. ئۇنىڭغا يار بولغۇچى ئىنسانىي قۇدرەت بولسا، بىزگە يار بولغۇچى پەرۋەردىگارىمىز خۇدادۇر. ئۇ بىزگە ياردەمدە بولىدۇ، بىز ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ. خەلق پادىشاھ خىزكىيانىڭ بۇ سۆزلىرىدىن ئىلھام ئالدى. شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن لەشكەرلىرى بىلەن لاكىش شەھىرىنى قامال قىلغان ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىب يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى يېرۇسالېمغا ئەۋەتىپ، يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىيا ۋە پۈتۈن يەھۇدىيەلىكلەرگە مۇنداق دېدى: _ ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىب مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر نېمەڭلارغا تايىنىپ، يېرۇسالېم قورشاۋىدىن قۇتۇلۇپ قېلىش ئۈمىدىدە بولۇۋاتىسىلەر؟ پادىشاھىڭلار خىزكىيا: ‹پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزنى ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ› دەپ، سىلەرنى ئالداپ كەتمىسۇن. ئۇ سىلەرنى ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقتا ھالاك قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. پادىشاھىڭلار خىزكىيا پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سەجدىگاھلىرى ۋە قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ئاللىقاچان ۋەيران قىلىپ، يېرۇسالېم ۋە بارلىق يەھۇدىيە خەلقىگە، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن پەقەت بىرلا قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئېيتمىغانمىدى؟ ئەجەبا سىلەر مېنىڭ ۋە ئەجدادلىرىمنىڭ باشقا ئەللەرنىڭ خەلقلىرىگە نېمىلەرنى قىلغانلىقىمىزنى بىلمەمسىلەر؟ قايسىبىر خەلقنىڭ ئىلاھلىرى ئۆز خەلقىنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالىغان؟ مېنىڭ ئەجدادلىرىم تەلتۆكۈس يوقاتقان ئەللەرنىڭ ئىچىدە قايسى ئەلنىڭ ئىلاھلىرى خەلقىنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالىغان؟ ئۇنداقتا سىلەرنىڭ خۇدايىڭلارمۇ سىلەرنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالارمۇ؟ شۇڭا سىلەر خىزكىياغا ئالدانماڭلار ھەم ئىشەنمەڭلار. خىزكىيا سىلەرنى ئازدۇرىۋاتىدۇ. ھەرقانداق بىر خەلقنىڭ ۋە پادىشاھلىقنىڭ ئىلاھى ئۆزىنىڭ خەلقىنى ئەجدادلىرىمنىڭ قولىدىن ياكى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالمىغان تۇرسا، سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار سىلەرنى قانداق قۇتقۇزالىسۇن؟» ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارلىرى يەنە باشقا سۆزلەر بىلەن پەرۋەردىگار خۇدانى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتكارى بولغان خىزكىيانى ھاقارەتلىدى. سانخېرىب يەنە نۇرغۇن مەكتۇپلارنى يېزىپ، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانى ھاقارەتلەپ: «باشقا خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرى مېنىڭ قولۇمدىن خەلقىنى قۇتقۇزالمىغانىكەن، خىزكىيانىڭ خۇداسىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس» دېدى. ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئىبرانىي تىلىدا سېپىلنىڭ ئۈستىدىكى يېرۇسالېملىقلارغا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ۋارقىراپ، ئۇلارنى قورقۇتۇپ، ۋەھىمىگە سېلىپ، شەھەرنى ئېلىشقا ئاسانلىق ياراتماقچى بولدى. ئۇلار يېرۇسالېمنىڭ خۇداسىنى باشقا ئەل خەلقلىرىنىڭ ئىلاھلىرى قاتارىدا كۆرۈپ، ئۇ توغرۇلۇق خۇددى ئىنسان قولى بىلەن ياسالغان بۇتلار ھەققىدە سۆزلىگەندەك سۆزلىدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ خىزكىيا ۋە ئاموزنىڭ ئوغلى پەيغەمبەر يەشايا خۇداغا ئىلتىجا قىلىپ، دۇئا قىلدى. پەرۋەردىگار ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ قارارگاھىغا بىر پەرىشتىنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ بارلىق خىللانغان لەشكەرلىرى، سەركەردىلىرى ۋە بارلىق لەشكەر باشلىرىنى ھالاك قىلدى. سانخېرىب نومۇس ئىچىدە يۇرتىغا قايتىپ كەتتى. ئۇ ئۆز ئىلاھىنىڭ بۇتخانىسىغا بارغان ۋاقتىدا، ئوغۇللىرىدىن بەزىلىرى ئۇنى قىلىچلاپ ئۆلتۈردى. شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگار خىزكىيانى ۋە يېرۇسالېم ئاھالىلىرىنى ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىبنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى ۋە باشقا دۈشمەنلىرىدىن قوغداپ، زېمىنىغا تىنچلىق ئاتا قىلدى. يات خەلقلەردىن نۇرغۇن كىشىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، يېرۇسالېمغا ھەدىيە ئەكەلدى. يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىياغىمۇ قىممەت باھالىق بۇيۇملارنى سوۋغات قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن خىزكىيا ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى. ئۇ ۋاقىتتا خىزكىيا ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغانىدى. ئۇ پەرۋەردىگاردىن ئۆتۈندى. پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىپ، ئۇنىڭغا ساقىيىش ھەققىدە بىر بېشارەت ئاتا قىلدى. ئەمما خىزكىيا پەرۋەردىگارنىڭ شاپائىتىگە رەھمەت بىلدۈرمىدى، چۈنكى ئۇنىڭ قەلبىدە تەكەببۇرلۇق بار ئىدى. شۇڭا خۇدا ئۇنىڭغا، يېرۇسالېمغا ۋە پۈتۈن يەھۇدىيەگە غەزەپ ياغدۇردى. كېيىن خىزكىيا ۋە يېرۇسالېم ئاھالىلىرى قەلبلىرىدىكى تەكەببۇرلۇقىغا توۋا قىلىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن تاكى خىزكىيا ۋاپات بولغۇچە پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى خەلققە چۈشمىدى. خىزكىيا شۇنچىلىك باي ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىدى، ئۇ ئامبار ياسىتىپ، ئالتۇن، كۈمۈش، ئېسىل تاشلار، خۇشبۇي ئەشيالار، قالقان ۋە ھەر خىل قىممەت باھالىق بۇيۇملارنى ساقلىدى. ئۇ يەنە ئاشلىق، شاراب، زەيتۇن يېغى ئۈچۈن ئامبارلارنى ياساتتى. ھەر خىل چارۋا ماللار ئۈچۈن ئېغىللار سالدۇردى، قويلىرىنى ئېغىللاردا باقتى. ئۇ يەنە ئۆزى ئۈچۈن يېزىلارنى قۇردى. ئۇنىڭ ناھايىتى كۆپ چارۋا ماللىرى بار ئىدى. خۇدا ئۇنىڭغا ھەددى-ھېسابسىز بايلىق ئاتا قىلغانىدى. خىزكىيا يۇقىرىدىكى گىھون بۇلىقىنىڭ ئېقىنىنى توسۇپ، غەربكە، يەنى تۆۋەندىكى «داۋۇت شەھىرى»گە ئېلىپ كىردى. ئۇ ھەممە ئىشتا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەنىدى. بىراق بابىل ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەلچىلىرى خىزكىيا بىلەن كۆرۈشكىلى كېلىپ، ئۇنىڭدىن بۇ يەردە كۆرگەن بېشارىتى ھەققىدە ئۇچۇر ئاڭلىماقچى بولدى. خۇدا بۇ ئىشنى ئۇنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا قالدۇردى. چۈنكى خۇدا ئۇنى سىنىماقچى ۋە ئۇنىڭ قەلبىنىڭ قانداقلىقىنى بىلىپ باقماقچى ئىدى. خىزكىيا پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە ئۇنىڭ پەرۋەردىگارغا بولغان ساداقىتى «يەھۇدىيە ۋە ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىسى»نىڭ بىر قىسمى بولغان «ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەرنىڭ ۋەھىي»سىگە پۈتۈلگەندۇر. خىزكىيا ۋاپات بولدى. ئۇ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىنىڭ تۆرىگە دەپنە قىلىندى. يېرۇسالېم ئاھالىلىرى ۋە پۈتۈن يەھۇدىيەلىكلەر ئۇنىڭغا ھازا تۇتتى. ئوغلى ماناسسە ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى. ماناسسە تەختكە چىققان چاغدا 12 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 55 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ماناسسە پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىلگەن يات ئەللەرنى دوراپ، يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلدى. ئۇ ئاتىسى خىزكىيا ۋەيران قىلغان غەيرىي سەجدىگاھلارنى قايتىدىن ياساتتى، يەنە ئىلاھ بائالغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى ياساتتى ھەمدە ھەر خىل ئاسمان جىسىملىرىغا چوقۇنۇپ، ئۇلارغا سەجدە قىلدى. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ: «يېرۇسالېم مەڭگۈ مېنىڭ ئۆيۈم بولسۇن» دېگەن جايدا، يەنى يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا ساختا ئىلاھلارغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىلىرى ياساتتى. ئۇ يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىچكىرى ۋە تاشقىرى ھويلىلىرىغا ھەر خىل ئاسمان جىسىملىرى ئۈچۈن قۇربانلىق سۇپىلارنى ياساتتى. ماناسسە ئۆز ئوغۇللىرىنى بەنھىننوم جىلغىسىدا قۇربانلىق قىلىپ، ئوتتا كۆيدۈردى. پالچىلىق، باخشىلىق، جادۇگەرلىك قىلىش ۋە ئەرۋاھلاردىن مەدەت تىلەشتەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. ئۇ يەنە ئۆزى ياساتقان بۇتنى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا قويدى. خۇدا بۇ ئىبادەتخانا توغرۇلۇق داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئوغلى سۇلايمانغا: «مەن ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە تەۋە شەھەرلەردىن تاللىۋالغان يېرۇسالېمدىكى مۇشۇ ئىبادەتخانا مېنىڭ مەڭگۈلۈك ئۆيۈم بولسۇن. ئەگەر ئىسرائىللار مەن مۇسا ئارقىلىق ئۇلارغا بۇيرۇغان پۈتۈن قانۇن ۋە ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلسا، مەن ئۇلارنى ئەجدادلىرىغا بەرگەن بۇ زېمىندىن يەنە ئايرىمايمەن» دېگەنىدى. لېكىن ماناسسە يەھۇدىيە، جۈملىدىن يېرۇسالېم خەلقىنى ئازدۇرۇپ، ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن يوقىتىلغان يات ئەللەردىنمۇ بەكرەك يامان ئىشلارنى قىلدى. پەرۋەردىگار ماناسسەنى ۋە ئۇنىڭ خەلقىنى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار قۇلاق سالمىدى. شۇڭا پەرۋەردىگار ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ سەركەردىلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدۇردى. ئۇلار ماناسسەنى تۇتقۇن قىلىپ، بۇرنىغا چۈلۈك ئۆتكۈزۈپ، تۇچ كىشەن بىلەن كىشەنلەپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى. ماناسسە قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، ئۆزى ۋە ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدادىن مەدەت تىلىدى ھەمدە ئۇنىڭ ئالدىدا گۇناھىغا قاتتىق توۋا قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلدى. ئۆتۈنۈشىنى ئاڭلاپ، ئۇنى يېرۇسالېمغا قايتۇرۇپ ئەكېلىپ، داۋاملىق پادىشاھ قىلدى. ماناسسە شۇندىلا پەرۋەردىگارنىڭ بىردىنبىر خۇدا ئىكەنلىكىنى چۈشەندى. بۇ ئىشتىن كېيىن ماناسسە «داۋۇت شەھىرى»نىڭ تاشقى سېپىلنى ياساتتى. ئۇ سېپىلنى قىدرون جىلغىسىدىكى گىھون بۇلىقىنىڭ غەرب تەرىپىدىن باشلاپ، ئوفەل ئېگىزلىكىنى ئايلاندۇرۇپ، «بېلىق دەرۋازىسى»غا تۇتاشتۇردى. سېپىلنى بەك ئېگىز سوقتۇردى. ماناسسە يەھۇدىيەنىڭ ھەرقايسى مۇستەھكەم شەھەرلىرىدە سەركەردىلىرىنى تۇرغۇزدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى باشقا خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ بۇتلىرىنى ۋە ئۆزى ياسىتىپ، قويدۇرغان بۇتنى ئېلىپ تاشلىدى. ئۇ يەنە ئىبادەتخانا تېغىدا ۋە يېرۇسالېمدا ياساتقان بارلىق غەيرىي قۇربانلىق سۇپىلىرىنى چاقتۇرۇپ، شەھەر سىرتىغا تاشلاتقۇزۇۋەتتى. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىنى قايتا ياسىتىپ، ئۇ يەردە ئامانلىق ۋە مىننەتدارلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇندى ھەم يەھۇدىيەلىكلەرنى ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا بۇيرۇدى. شۇنداق بولسىمۇ خەلق يەنىلا غەيرىي سەجدىگاھلاردا قۇربانلىق قىلىۋەردى. لېكىن ئۇلار قۇربانلىقلىرىنى پەقەت ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇداغىلا ئاتايتتى. ماناسسە پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ھەرىكەتلىرى، ئۇنىڭ خۇداغا قىلغان دۇئاسى ھەمدە غايىبنى بىلگۈچىلەرنىڭ ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نامىدا ئۇنىڭغا قىلغان سۆزلىرى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىسى»گە پۈتۈلگەندۇر. ئۇنىڭ دۇئاسى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ جاۋابى، گۇناھىغا توۋا قىلىشتىن ئىلگىرىكى بارلىق گۇناھلىرى، ساداقەتسىزلىكى، غەيرىي سەجدىگاھلارنى ياساتقان، ئاشېرا ۋە باشقا ئىلاھلارنىڭ بۇتلىرىنى تىكلىگەن جايلىرى «غايىبنى بىلگۈچىلەرنىڭ تەزكىرىسى»گە پۈتۈلگەندۇر. ماناسسە ۋاپات بولۇپ، ئوردا ئىچىگە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئامون ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى. ئامون تەختكە چىققان چاغدا 22 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئىككى يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئامون ئاتىسى ماناسسەگە ئوخشاش، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ماناسسە ياساتقان ھەممە بۇتلارغا قۇربانلىق قىلىپ چوقۇندى. ئەمما ئاتىسى ماناسسە پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھىنى تونۇغان بولسىمۇ، لېكىن ئامون ئۇنداق قىلماي، ئاتىسىدىن كۆپرەك گۇناھ قىلدى. ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلىپ، ئۇنى ئوردىسىدا ئۆلتۈرۈۋەتتى. لېكىن خەلق ئامون پادىشاھقا سۇيىقەست قىلغان بارلىق كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، ئوغلى يوشىيانى ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. يوشىيا تەختكە چىققان چاغدا سەككىز ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 31 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. يوشىيا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئۇ ھەر ئىشتا ئەجدادى داۋۇتنىڭ يولىنى تۇتتى، چەتنەپ كەتمىدى. 3 يوشىيا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 8-يىلى، گەرچە ئۇ تېخى كىچىك بولسىمۇ، ئەجدادى داۋۇت ئېتىقاد قىلغان خۇداغا ئىنتىلىشكە باشلىدى. ئۇ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 12-يىلى يېرۇسالېم ۋە پۈتۈن يەھۇدىيەنى غەيرىي سەجدىگاھلاردىن، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىدىن، ئويما ۋە قۇيما بۇتلاردىن تازىلاشقا باشلىدى. خەلق پادىشاھنىڭ ئالدىدا بائال ئىلاھىنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى، ئۇلارنىڭ يېنىدىكى ئىسرىقدانلارنى، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى ۋە ئويما، قۇيما بۇتلارنى بۇزۇپ، كۇكۇم-تالقان قىلدى ھەمدە ئۇلارنى چوقۇنغۇچىلىرىنىڭ قەبرىلىرىگە چېچىۋەتتى. ئۇلارنىڭ روھانىيلىرىنىڭ ئۇستىخانلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىدا كۆيدۈردى. شۇنداق قىلىپ ئۇ يېرۇسالېم ۋە پۈتۈن يەھۇدىيەنى پاكلىدى. ئۇ يەنە ماناسسە، ئەفرايىم، شىموننىڭ شەھەرلىرىدىكى ۋە يىراقتىكى نافتالىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خارابىلىكلەردە قۇربانلىق سۇپىلىرىنى بۇزدۇردى. ئاشېرانىڭ بۇتلىرىنى ۋە باشقا بۇتلارنى كۇكۇم-تالقان قىلدۇردى. ئىسرائىلىيە چېگراسى ئىچىدىكى بارلىق ئىسرىقدانلارنى چاقتۇردى. ئاندىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى. يوشىيا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 18-يىلى زېمىنىنى ۋە ئىبادەتخانىنى پاكلاش نىيىتىگە كەلدى. شۇڭا ئۇ ئازاليانىڭ ئوغلى پۈتۈكچى شافاننى، شەھەر باشلىقى مائاسېيانى ۋە يوئاخازنىڭ ئوغلى تەزكىرىچى يوئاخنى پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى ئوڭشاشقا ئەۋەتتى. لاۋىيلاردىن بولغان مۇھاپىزەتچىلەر خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئەكەلگەن پۇللارنى ئىسرائىلىيەدىكى ماناسسە، ئەفرايىم ۋە باشقا قەبىلىلەر، شۇنداقلا يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرى ھەم يېرۇسالېم ئاھالىلىرىدىن يىغقانىدى. پادىشاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلەر باش روھانىي خىلقىيانىڭ يېنىغا بېرىپ، پۇللارنى ئېلىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ئوڭشاش ۋە مۇستەھكەملەشكە مەسئۇل بولغان قۇرۇلۇش نازارەتچىلىرىگە بەردى. نازارەتچىلەر بۇ پۇللار بىلەن ئىبادەتخانىنى ئوڭشىغان ئىشچىلارنىڭ ھەققىنى تۆلىدى. قالغان پۇللارنى ياغاچچى ۋە باشقا قۇرۇلۇشچىلار بۇرۇنقى يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن خاراب بولغان ئىبادەتخانىنى ئوڭشاش ئۈچۈن يونۇپ تەييارلانغان تاش، لىم ۋە ۋاسىغا كېتىدىغان ياغاچلارنى سېتىۋېلىشقا ئىشلەتتى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا يىغىلغان پۇللارنى ئېلىۋاتقاندا، باش روھانىي خىلقىيا پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق بەرگەن قانۇنىنىڭ بىر يازمىسىنى تاپتى. خىلقىيا پۈتۈكچى شافانغا: _ مەن ئىبادەتخانىدىن پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنى يېزىلغان بىر يازمىنى تاپتىم، _ دېدى ۋە يازمىنى ئۇنىڭغا بەردى. شافان يازمىنى ئېلىپ، پادىشاھ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: _ بىزكى خىزمەتكارلىرى ئۆزلىرى تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلىۋاتىمىز. پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى پۇللارنى ئېلىپ، ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولغۇچىلارغا ۋە قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىغا تاپشۇرۇپ بەردۇق، _ دەپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلدى. ئاندىن پۈتۈكچى شافان يەنە پادىشاھقا: _ باش روھانىي خىلقىيا ماڭا بىر يازما بەردى، _ دېدى ۋە ئۇنى پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئوقۇدى. پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ قانۇندىكى سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ۋەھىمىگە چۈشۈپ، كىيىملىرىنى يىرتتى. ئۇ خىلقىياغا، شافاننىڭ ئوغلى ئاخىقام، مىكاھنىڭ ئوغلى ئابدون، پۈتۈكچى شافان ۋە خىزمەتكارى ئاساياغا: _ ئەجدادلىرىمىز مۇشۇ يازمىغا پۈتۈلگەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالمىغانلىقتىن ۋە بىزگە يېزىپ بەرگەن ئەمرلىرىگە بويسۇنمىغانلىقتىن پەرۋەردىگار بىزگە قاتتىق غەزىپىنى ياغدۇرۇپتۇ. سىلەر بېرىپ، مەن ئۈچۈن ھەم ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەدىكى ئامان قالغانلار ئۈچۈن، تېپىلغان يازمىدىكى سۆزلەر توغرىسىدا پەرۋەردىگاردىن يوليورۇق سوراڭلار، _ دەپ بۇيرۇق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئەۋەتكەن ئادەملەر خىلقىياغا ئەگىشىپ ئايال پەيغەمبەر خۇلداھ بىلەن كۆرۈشكىلى باردى. ئۇ شاللۇمنىڭ خوتۇنى ئىدى. شاللۇم كىيىم ساقلايدىغان ئامبارنى باشقۇرىدىغان ئادەم بولۇپ، ئۇ خاسراھنىڭ نەۋرىسى، توقھاتنىڭ ئوغلى ئىدى. خۇلداھ يېرۇسالېمنىڭ يېڭى مەھەللىسىدە ئولتۇراتتى. ئۇلار خۇلداھتىن مەسلىھەت سورىدى. خۇلداھ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنى مېنىڭ ئالدىمغا ئەۋەتكەن كىشىگە بېرىپ ئېيتىڭلار: ‹ئاڭلا، مەن دەل يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئالدىدا ئوقۇلغان ئاشۇ يازمىدىكى بارلىق قارغىشلاردەك، بۇ يۇرتقا ۋە ئۇنىڭ ئاھالىسىگە بالا-قازا ياغدۇرىمەن، چۈنكى ئۇلارنىڭ مېنى تەرك ئېتىپ، باشقا ئىلاھلارغا قۇربانلىق كۆيدۈرۈشىدەك قىلمىشلىرى غەزىپىمنى كەلتۈردى. غەزەپ ئوتۇم مۇشۇ يەردە ياغىدۇ، ئۆچمەيدۇ›». قۇلاق سالغىنكى، مەن بۇ يەرگە ۋە بۇ يەردىكى ئاھالىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان بالا-قازانى سەن ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن ئەكەلمەيمەن. سەن ئۆز قەبرەڭگە تىنچ ھالدا دەپنە قىلىنىسەن. بۇ بالا-قازالارنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرمەيسەن›». ئۇلار قايتىپ بېرىپ، بۇ سۆزلەرنى پادىشاھقا يەتكۈزدى. پادىشاھ يوشىيا يېرۇسالېم ۋە پۈتۈن يەھۇدىيەنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرىنى يىغدى. پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا باردى. پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقى، يېرۇسالېمدىكى ئاھالىلەر، روھانىيلار، لاۋىيلار ۋە پۇقرالاردىن مەرتىۋىلىكلەرگىچە ھەممىسى كېلىشتى. پادىشاھ ئۇلارغا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن تېپىلغان يازمىغا پۈتۈلگەن ئەھدىنامىنى تولۇقى بىلەن ئۈنلۈك ئوقۇپ بەردى. پادىشاھ ئۆزىنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئەھدىنى قايتىدىن مۇقىملىدى. ئۇ پەرۋەردىگارغا چىن قەلبى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا، قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئەمەل قىلىپ، بۇ يازمىدا پۈتۈلگەن ئەھدىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ۋەدە بەردى. ئاندىن پادىشاھ پۈتۈن يېرۇسالېم ئاھالىسى ۋە بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەرگە بۇ ئەھدىگە رىئايە قىلىش ھەققىدە ۋەدە بەرگۈزدى. شۇڭا يېرۇسالېم ئاھالىسى ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلغان خۇدا بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىگە ئەمەل قىلدى. يوشىيا پادىشاھ ئىسرائىل خەلقىگە تەۋە بولغان بارلىق زېمىنلاردىكى يىرگىنچلىك بۇتلارنىڭ ھەممىسىنى يوقاتتى ۋە ئىسرائىلىيەدە ياشىغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇداغا ئىبادەت قىلدۇردى. ئۇنىڭ دەۋرىدە خەلق ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدادىن يۈز ئۆرۈمىدى. يوشىيا يېرۇسالېمدا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزدى. جامائەت ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ماللىرىنى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى بوغۇزلىدى. يوشىيا روھانىيلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى خىزمىتىنى ياخشى قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى. ئۇ، ئۆزلىرىنى پەرۋەردىگار ئۈچۈن پاكلىغان ۋە پۈتۈن ئىسرائىللارغا تەلىم بېرىشكە مەسئۇل بولغان لاۋىيلارغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايمان قۇرغان ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس ئەھدە ساندۇقىغا چېقىلماڭلار، ئۇ ئورنىدا قالسۇن. بۇندىن كېيىن ئەھدە ساندۇقىنى مۈرەڭلاردا كۆتۈرۈپ يۈرۈشىڭلارنىڭ ھاجىتى يوق. سىلەر ھازىردىن باشلاپ سىلەر ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ۋە ئۇنىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللارنىڭ خىزمىتىنى قىلىڭلار. سىلەر ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى داۋۇت ۋە ئوغلى سۇلايمان يازغان بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن جەمەتلەر ۋە خىزمەتلەر بويىچە ئۆزۈڭلارنى ھازىرلاڭلار. سىلەر جەمەت بويىچە مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىدا تۇرۇڭلار. لاۋىيلارنىڭ ھەربىر جەمەتى قېرىندىشىڭلار بولغان ئىسرائىللارنىڭ باشقا بىرقانچە جەمەتلىرىگە خىزمەت قىلسۇن. سىلەر ئۆزۈڭلارنى پاكلاپ، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ماللىرىنى بوغۇزلاڭلار ۋە ئىسرائىل قېرىندىشىڭلار ئۈچۈن قۇربانلىق تەييار قىلىڭلار. بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق يەتكۈزگەن ئەمرى بويىچە ئېلىپ بېرىڭلار. پادىشاھ يوشىيا ئۆزىنىڭ مۈلكىدىن 30,000 پاقلان ۋە ئوغلاق چىقىرىپ، ئىسرائىللارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۈچۈن قۇربانلىققا ئاتىدى. ئۇنىڭغا قوشۇپ 3000 تۇياق كالا بەردى. ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىمۇ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جامائەتكە، روھانىيلارغا، لاۋىيلارغا ئىئانە بەردى. ئىبادەتخانىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل خىلقىيا، زىكىرىيا، يىخىئېل قاتارلىق روھانىيلار باشقا روھانىيلارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن 2600 تۇياق پاقلان ۋە ئوغلاق، ئۇنىڭغا قوشۇپ ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن 300 تۇياق كالا ھەدىيە قىلدى. لاۋىيلارنىڭ باشلىقى بولغان كونانيا ۋە ئۇنىڭ ئىنىلىرى شىمايا، نىتانئېل ھەمدە لاۋىيلارنىڭ باشقا باشلىقلىرى بولغان خاشابيا، يىئىئېل، يوزاباد قاتارلىقلار باشقا لاۋىيلارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا قۇربانلىق قىلىشى ئۈچۈن 5000 تۇياق پاقلان ۋە ئوغلاق، ئۇنىڭغا قوشۇپ 500 تۇياق كالا ئىئانە قىلدى. شۇنداق قىلىپ ھەممە ئىشلار تەييار بولدى. پادىشاھنىڭ پەرمانى بويىچە روھانىيلار ئۆزلىرىنىڭ ئورۇنلىرىدا تۇرۇشتى، لاۋىيلارمۇ ئۆز توپلىرى بويىچە تۇرۇشتى. لاۋىيلار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۈچۈن پاقلان ۋە ئوغلاق بوغۇزلىغاندا، روھانىيلار ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن قانلارنى ئېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىغا چاچتى. ئاندىن لاۋىيلار قۇربانلىق ماللارنىڭ تېرىلىرىنى سويدى. ئۇلار مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن يازمىلاردا يېزىلغىنى بويىچە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى ئايرىم قويدى ۋە ئۇلارنى جامائەتكە جەمەتلەر بويىچە بۆلۈپ بەردى. جامائەت ئۇلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتىدى. كالىلارنىمۇ مۇشۇنداق قىلدى. ئۇلار بەلگىلىمە بويىچە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ پاقلان ۋە ئوغلاقلىرىنى ئوتقا قاقلاپ پىشۇردى. پەرۋەردىگارغا ئاتالغان كالىلارنىڭ گۆشىنى قازان، كورىلاردا پىشۇردى. ئاندىن ھەممىسىنى دەرھال پۈتۈن جامائەتكە تارقىتىپ بەردى. ئاندىن لاۋىيلار ئۆزلىرى ۋە روھانىيلار ئۈچۈن قۇربانلىق ماللىرىنى تەييارلىدى. چۈنكى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان روھانىيلارنىڭ قولى كەچكىچە بوش ئەمەس ئىدى. ئۇلار كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى ۋە ماللارنىڭ مېيىنى كۆيدۈرۈش بىلەن ئاۋارە ئىدى. ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان نەغمىچىلەر داۋۇت پادىشاھنىڭ، ئاسافنىڭ، ھېماننىڭ ۋە پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولغان غايىبنى بىلگۈچى يىدۇتۇننىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۆزىنىڭ ئىش ئورۇنلىرىدا بولۇشتى. ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى ئۆزلىرى مەسئۇل دەرۋازىلاردا تۇردى. ھېچكىمنىڭ ئىش ئورۇنلىرىدىن ئايرىلىش زۆرۈرىيىتى بولمىدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى بولغان لاۋىيلار ئۇلار ئۈچۈن قۇربانلىقلارنى تەييارلىغانىدى. شۇنداق قىلىپ شۇ كۈنى پادىشاھ يوشىيانىڭ پەرمانىغا ئاساسەن پەرۋەردىگارغا بېغىشلانغان ھەممە ئىشلار بېجىرىلدى. ئۇلار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزدى ھەم پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى. شۇ ۋاقىتتا نەق مەيداندىكى ئىسرائىللار ھەم ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ھەم يەتتە كۈن داۋاملاشقان پېتىر نان ھېيتىنى ئۆتكۈزدى. سامۇئىل پەيغەمبەر زامانىسىدىن بۇيان ئىسرائىلىيەدە ھېچقاچان بۇنداق ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈلۈپ باقمىغانىدى. ئىسرائىلىيەدە ھېچقانداق پادىشاھ يوشىياغا ئوخشاش روھانىيلار، لاۋىيلار، بارلىق يەھۇدىيەلىكلەر، ئىسرائىلىيەلىكلەر ھەم يېرۇسالېمدىكى ئاھالىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈپ باقمىغانىدى. يوشىيا پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 18-يىلى بۇ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈلدى. يوشىيا ئىبادەتخانا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تەرتىپكە سېلىپ بولغان شۇ ۋاقىتتا، مىسىر پادىشاھى نىكو جەڭ قىلغىلى فىرات دەرياسىنىڭ يېنىدىكى كاركىمىش شەھىرىگە يولغا چىقتى. يوشىيا لەشكەر چىقىرىپ ئالدىنى توسماقچى بولدى. نىكو ئەلچى ئەۋەتىپ يوشىياغا مۇنداق دېدى: _ ئەي يەھۇدىيە پادىشاھى، مېنىڭ سەن بىلەن ھېچبىر ئۆچ-ئاداۋىتىم يوق. مەن بۈگۈن بۇ يەرگە مەن بىلەن ئۇرۇش قىلغان باشقا بىر پادىشاھ ئۈچۈن كەلدىم. خۇدا ماڭا بۇ ئۇرۇشنى تېز ئاخىرلاشتۇرۇشقا پەرمان قىلدى. سەن خۇدا بىلەن قارشىلاشما، ئۇنىڭ سېنى ۋەيران قىلىشىدىن ساقلان، چۈنكى خۇدا مەن بىلەن بىرگىدۇر. لېكىن يوشىيا خۇدانىڭ نىكو ئارقىلىق دېگەن سۆزلىرىگە پەرۋا قىلمىدى. ئۇ لەشكەرلىرىنى چېكىندۈرمەستىن، ئەكسىچە، قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ، نىكو بىلەن مىگىددو تۈزلەڭلىكىدە جەڭ قىلىشقا باردى. ئوقياچىلار پادىشاھ يوشىيانى ئوققا تۇتۇشتى. ئۇ خىزمەتكارلىرىغا: _ مەن ئېغىر يارىلاندىم، مېنى ئېلىپ كېتىڭلار، _ دېدى. خىزمەتكارلىرى ئۇنى جەڭ ھارۋىسىدىن يەنە بىر ھارۋىسىغا يۆلەپ چىقىرىپ، يېرۇسالېمغا ئېلىپ كەلدى. يوشىيا ئۆلۈپ، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى. يېرۇسالېم ۋە پۈتۈن يەھۇدىيەنىڭ خەلقلىرى ئۇنىڭغا ماتەم تۇتتى. يەرەمىيا پەيغەمبەر پادىشاھ يوشىياغا ئاتاپ مەرسىيە ئوقۇدى. شۇنىڭدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە بارلىق ئەر-ئايال ناخشىچىلارنىڭ يوشىيا پادىشاھنى خاتىرىلەپ مەرسىيەلەرنى ئوقۇشى داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بۇ ئىسرائىللارنىڭ ئادىتىگە ئايلانغانىدى. بۇ مەرسىيەلەر «مەرسىيەلەر توپلىمى»دا خاتىرىلەنگەندۇر. يوشىيا پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىنى قانداق ساداقەت بىلەن ئىجرا قىلغانلىقى «ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىسى»گە پۈتۈلگەندۇر. خەلق يوشىيانىڭ ئوغلى يوئاخازنى پادىشاھلىققا تاللىدى ۋە ئۇنى يېرۇسالېمدا ئاتىسىنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. يوئاخاز تەختكە چىققان چاغدا 23 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئۈچ ئاي ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئاندىن مىسىرنىڭ پادىشاھى نىكو ئۇنى يېرۇسالېمدا تەختىدىن چۈشۈرۈپ، يەھۇدىيەگە ئۈچ يېرىم توننا كۈمۈش ۋە 35 كىلو ئالتۇن سېلىق سالدى. مىسىرنىڭ پادىشاھى نىكو يوئاخازنىڭ ئاكىسى ئەلياقىمنى يېرۇسالېم ۋە پۈتۈن يەھۇدىيەگە پادىشاھ قىلىپ، ئىسمىنى يىھوياقىمغا ئۆزگەرتتى. ئىنىسى يوئاخازنى مىسىرغا ئېلىپ كەتتى. يىھوياقىم تەختكە چىققان چاغدا 25 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 11 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ كەلدى. ئۇ يىھوياقىمنى بابىلغا ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن ئۇنى تۇچ كىشەن بىلەن كىشەنلىدى. نىبۇكادنەزەر يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى بەزى بۇيۇملارنىمۇ بابىلغا ئەكېتىپ، ئوردىسىغا قويدى. يىھوياقىم پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى، جۈملىدىن ئۇنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرى «ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىسى»گە پۈتۈلگەندۇر. ئوغلى يىھوياكىن تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى. يىھوياكىن تەختكە چىققان چاغدا 18 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئۈچ ئاي ئون كۈن ھۆكۈمرانلىق قىلدى. يىھوياكىن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. شۇ يىلى ئەتىياز كەلگەندە پادىشاھ نىبۇكادنەزەر يەھۇدىيە پادىشاھىنى تۇتقۇن قىلدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى قىممەتلىك بۇيۇملارنى بابىلغا ئەكەلدۈردى. ئاندىن ئۇنىڭ تاغىسى زىدقىيانى يېرۇسالېم ۋە پۈتۈن يەھۇدىيەگە پادىشاھ قىلدى. زىدقىيا تەختكە چىققان چاغدا 21 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 11 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ گۇناھىنى تونۇمىدى. نىبۇكادنەزەر ئۇنىڭغا خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدۇرغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا نىبۇكادنەزەرگە ئاسىيلىق قىلدى. ئۇ بوينى ۋە دىلىنى قاتتىق قىلىپ، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ يولىغا قايتمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە روھانىيلارنىڭ ۋە خەلقنىڭ پۈتۈن يولباشچىلىرى بارغانسېرى يات ئەللەرنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھلىرىغا چوقۇنۇپ چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزدى، پەرۋەردىگار يېرۇسالېمدا مۇقەددەس قىلغان ئىبادەتخانىنى بۇلغىدى. ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدا ئۆزىنىڭ خەلقىگە ۋە ئۆزى ماكان قىلغان ئىبادەتخانىغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇلارنى داۋاملىق پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرۇپ تۇردى. لېكىن ئۇلار خۇدانىڭ ئەلچىلىرىنى مازاق قىلىپ، خۇدانىڭ سۆزلىرىنى زاڭلىق قىلىپ، پەيغەمبەرلىرىنى مەسخىرە قىلدى. ئاخىرى پەرۋەردىگار شۇ قەدەر غەزەپلەندىكى، ئۇلار قۇتقۇزۇۋالغۇسىز ھالغا چۈشۈپ قالدى. پەرۋەردىگار بابىل پادىشاھىنى ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدۇردى. بابىللىقلار مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا ئۇلارنىڭ ياشلىرىنى قىلىچتىن ئۆتكۈزدى. ئۇلار نە قىزلارغا، نە ئوغۇللارغا، نە قېرىلارغا ياكى ئاجىزلارغا شەپقەت قىلمىدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. بابىل پادىشاھى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى بارلىق چوڭ-كىچىك بۇيۇملارنى، قىممەتلىك نەرسىلەرنى، پادىشاھ خەزىنىسىدىكى ۋە ئەمەلدارلارنىڭ بارلىق بايلىقلىرىنى، قىسقىسى ھەممىنى بابىلغا ئېلىپ كەتتى. بابىللىقلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى كۆيدۈرۈپ، يېرۇسالېمنىڭ سېپىللىرىنى بۇزۇۋەتتى ھەمدە سارايلارغا ئوت قويۇپ، ئىچىدىكى بارلىق قىممەتلىك نەرسىلەرنى ۋەيران قىلدى. ئۆلۈمدىن ئامان قالغانلارنى بابىلغا ئەسىر قىلىپ ئېلىپ كەتتى. ئۇلار ئۇ يەردە تاكى پېرسىيە پادىشاھلىقى دەۋرىگىچە ئۇنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ قۇلى بولۇپ ياشىدى. ئىسرائىللارنىڭ زېمىنى بوش قالدى. بۇ زېمىن دەم بېرىلمىگەن يىللارنىڭ سانى توشقۇچە، يەتمىش يىل تاشلاندۇق يەر بولۇپ قالدى. پەرۋەردىگارنىڭ يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقان بۇ توغرىسىدىكى سۆزلىرى ئەمەلگە ئاشتى. پېرسىيە پادىشاھى كورەش تەختكە ئولتۇرغان 1-يىلى پەرۋەردىگار يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقان سۆزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. پەرۋەردىگار كورەش پادىشاھنىڭ دىلىغا سېلىپ، بىر پەرمان چۈشۈرگۈزدى. پادىشاھ ئۇنى مەكتۇپ قىلىپ پۈتكۈزۈپ، پادىشاھلىقىنىڭ ھەممە يېرىگە تارقاتتى: «بۇ مەنكى پېرسىيە پادىشاھى كورەشنىڭ ئېيتقانلىرىدۇر: ‹پەرۋەردىگار، يەنى ئەرشئەلادىكى خۇدا پۈتۈن يەر يۈزىدىكى پادىشاھلىقلارنى ماڭا ئاتا قىلدى. ئۇ مېنى يەھۇدىيەنىڭ يېرۇسالېم شەھىرىدە ئۆزىگە ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا قۇرۇشقا تەيىنلىدى. ئاراڭلاردىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقى بولغانلار يېرۇسالېم شەھىرىگە قايتسا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان خۇدا ئۇلارغا يار بولغاي!›» پېرسىيە پادىشاھى كورەش تەختكە ئولتۇرغان 1-يىلى پەرۋەردىگار يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقان سۆزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. خۇدا كورەش پادىشاھنىڭ دىلىغا سېلىپ، بىر پەرمان چۈشۈرگۈزدى. پادىشاھ ئۇنى قەغەزگە پۈتۈپ، پادىشاھلىقىنىڭ ھەممە يېرىگە تارقاتتى. «بۇ پېرسىيە پادىشاھىنىڭ ئېيتقانلىرىدۇر: ‹پەرۋەردىگار، يەنى ئەرشىئەلادىكى خۇدا پۈتۈن يەر يۈزىدىكى پادىشاھلىقلارنى ماڭا ئاتا قىلدى. ئۇ مېنى يەھۇدىيەنىڭ يېرۇسالېم شەھىرىدە ئۆزىگە ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا قۇرۇشقا تەيىنلىدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقى بولغان سىلەر ئىسرائىللار يەھۇدىيەنىڭ يېرۇسالېم شەھىرىگە بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ، يەنى ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتا بىنا قىلىڭلار. خۇدا يېرۇسالېمدىدۇر، ئۇ سىلەرگە يار بولغاي! مەيلى قەيەردە بولسۇن، سۈرگۈنلەر ئارىسىدا يېرۇسالېمغا قايتماقچى بولغانلار بولسا، ئۇلارغا قولۇم-قوشنىلىرى ياردەم قىلىپ، ئالتۇن-كۈمۈش، مال-مۈلۈك ۋە مال-ۋاران بەرسۇن. ئۇنىڭدىن باشقا، خۇدانىڭ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىسىغا خالىس ھەدىيەلەرنى سۇنسۇن.›» شۇنىڭدىن كېيىن، خۇدا دىللىرىغا سالغان ئىشنى ئورۇنداش ئۈچۈن يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىنىڭ باشلىقلىرى، روھانىيلار ۋە لاۋىيلار يېرۇسالېمغا بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن بىنا قىلىشقا تەييارلاندى. بارلىق قولۇم-قوشنىلار ئۇلارغا ياردەم بېرىپ، ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلار، مال-مۈلۈك، مال-ۋاران ۋە قىممەتلىك نەرسىلەردىن باشقا يەنە ئىبادەتخانا ئۈچۈن خالىس ھەدىيىلەرنى سۇندى. كورەش پادىشاھ ئۇلارغا سابىق پادىشاھ نىبۇكادنەزەر يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدىن ئولجا ئېلىپ ئۆز بۇتخانىسىغا قويغان قاچا-قۇچىلارنى قايتۇرۇپ بەردى. پېرسىيە پادىشاھى كورەش خەزىنە ۋەزىرى مىترىداتنى بۇ قاچا-قۇچىلارنى قايتۇرۇپ بېرىشكە مەسئۇل قىلدى. مىترىدات يەھۇدىيەگە قايتىدىغان سۈرگۈنلەرنىڭ باشلىقى شېشباسسارغا ئۇلارنى ساناپ ئۆتكۈزۈپ بەردى. ئۇلارنىڭ تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە: 30 دانە ئالتۇن داس 1000 دانە كۈمۈش داس 29 دانە كۈمۈش ئەسۋابلار 30 دانە ئالتۇن قاچا 410 دانە كۈمۈش قاچا 1000 دانە باشقا خىل قاچا-قۇچا ھەممىسى بولۇپ 5400 دانە ئالتۇن-كۈمۈش قاچا-قۇچا بولدى. سۈرگۈنلەر بابىلدىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەندە، شېشباسسار بۇ قاچا-قۇچىلارنى بىرگە ئېلىپ كەلدى. تۆۋەندىكىلەر بابىلدىكى ئەسىردىن قايتقان يەھۇدىي سۈرگۈنلىرىنىڭ تىزىملىكىدۇر. نىبۇكادنەزەر پادىشاھ بۇرۇن ئۇلارنى ئەسىر قىلىپ بابىلغا پالىغانىدى. بىراق ھازىر ئۇلار ئۆز يۇرتى يەھۇدىيەنىڭ يېرۇسالېم ۋە باشقا جايلىرىغا قايتىپ كەلدى. زىرۇببابەل، يېشۇۋا، نەخەمىيا، سىرايا، رىئېلايا، موردىكاي، بىلشان، مىسپار، بىگۋاي، رىخۇم ۋە بائانالار ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ قايتۇرۇپ كەلدى. سۈرگۈندىن قايتقان ئىسرائىل ئەرلىرىنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: پارئوش جەمەتىدىن 2172 كىشى شىفاتيا جەمەتىدىن 372 كىشى ئاراخ جەمەتىدىن 775 كىشى پاخات-موئاب جەمەتىدىن (يېشۇۋا ۋە يوئابنىڭ ئەۋلادلىرى) 2812 كىشى ئېلام جەمەتىدىن 1254 كىشى زاتتۇ جەمەتىدىن 945 كىشى زاككاي جەمەتىدىن 760 كىشى بانى جەمەتىدىن 642 كىشى بېباي جەمەتىدىن 623 كىشى ئازگاد جەمەتىدىن 1222 كىشى ئادونىقام جەمەتىدىن 666 كىشى بىگۋاي جەمەتىدىن 2056 كىشى ئادىن جەمەتىدىن 454 كىشى ئاتېر جەمەتىدىن (خىزكىيانىڭ ئەۋلادلىرى) 98 كىشى بېزاي جەمەتىدىن 323 كىشى يورا جەمەتىدىن 112 كىشى خاشۇم جەمەتىدىن 223 كىشى گىببار جەمەتىدىن 95 كىش بەيتلەھەملىكلەردىن 123 كىشى نىتوفالىقلاردىن 56 كىشى ئاناتوتلۇقلاردىن 128 كىشى ئازماۋەتلىكلەردىن 42 كىشى قىريات-يىئارىم، كىفىرا ۋە بەئەروتلۇقلاردىن 743 كىشى راماھ ۋە گەبالىقلاردىن 621 كىشى مىكماسلىقلاردىن 122 كىشى بەيتەل ۋە ئايلىقلاردىن 223 كىشى نىبولۇقلاردىن 52 كىشى ماگبىشلىقلاردىن 156 كىشى ئېلاملىقلاردىن 1254 كىشى خارىملىقلاردىن 320 كىشى لود، خادىد ۋە ئونولۇقلاردىن 725 كىشى ئېرىخالىقلاردىن 345 كىشى سىنائالىقلاردىن 3630 كىشى. روھانىيلاردىن: يىدايا جەمەتىدىن (يېشۇۋانىڭ ئەۋلادلىرى) 973 كىشى ئىممېر جەمەتىدىن 1052 كىشى پاشخۇر جەمەتىدىن 1247 كىشى خارىم جەمەتىدىن 1017 كىشى. لاۋىيلاردىن: يېشۇۋا ۋە قادمىئېل جەمەتىدىن (ھوداۋيا ئەۋلادلىرى) 74 كىشى ئىبادەتخانا مۇناجاتچىلىرى: ئاساف جەمەتىگە تەۋە 128 كىشى ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى: شاللۇم، ئاتېر، تالمون، ئاققۇب، خاتىتا ۋە شوباي جەمەتلىرىگە تەۋە 139 كىشى. ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرىنىڭ جەمەتىدىن: زىخا، خاسۇفا، تاببائوت، قېروس، سىئاھا، پادون، لىبانا، خاگابا، ئاققۇب، خاگاب، شالماي، خانان، گىددېل، گاخار، رىئايا، رىزىن، نىقودا، گاززام، ئۇززا، پاسېياخ، بېساي، ئاسناھ، مىئۇنىم، نىفۇسىم، باقبۇق، خاقۇفا، خارخۇر، بازلۇت، مىخىدا، خارشا، بارقوس، سىسىرا، تەماخ، نىزىياخ ۋە خاتىفالار. سۇلايمان پادىشاھ خىزمەتكارلىرىنىڭ جەمەتىدىن: سوتاي، ھەسسوفەرەت، پىرۇدا، يالاھ، دارقون، گىددېل، شىفاتيا، خاتتىل، پوكەرەت-ھاززىبايىم ۋە ئامىلار. ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە سۇلايمان پادىشاھ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ سانى جەمئىي 392 كىشى. تېلمەلاخ، تېلخارشا، كىرۇب، ئاددان ۋە ئىممېر دېگەن جايلاردىن كەلگەن بىر توپ كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىسرائىل ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالمىدى. بۇ كىشىلەر دىلايا، توبىيا ۋە نىقودا جەمەتلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 652 كىشى ئىدى. خاباييا، ھاققوز ۋە بارزىللاي دېگەن ئۈچ روھانىي جەمەتىمۇ قايتىپ كەلگەن بولۇپ، بارزىللاي گىلئادلىق بارزىللاينىڭ بىر قىزىغا ئۆيلىنىپ، ئۇنىڭ فامىلىسىنى ئىشلەتكەنىدى. بۇ روھانىيلار نەسەبنامىلىرىدىن جەمەت ناملىرىنى تاپالمىدى. شۇڭا ئۇلار ناپاك ھېسابلىنىپ، روھانىيلار قاتارىدىن ئورۇن ئالالمىدى. يەھۇدىيلارنىڭ باشلىقى ئۇلارغا «ئۇرىم» ۋە «تۇممىم»نى ئىشلىتىپ، خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلەلەيدىغان روھانىي كەلگۈچە، خۇداغا ئاتالغان يېمەكلىكلەرنىڭ روھانىيلارغا تېگىشلىكىنى يېمەسلىكىنى بۇيرۇدى. يەھۇدىيەگە قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 42,360 كىشى بولدى. سانالماي قالغانلاردىن 7337 ئەر-ئايال خىزمەتكار، 200 ئەر-ئايال ناخشىچى ۋە ئۇلارنىڭ 736 ئات، 245 قېچىر، 435 تۆگە ۋە 6720 ئېشىكىمۇ بار ئىدى. بۇ سۈرگۈنلەر پەرۋەردىگارنىڭ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىسىغا يېتىپ كەلگەندە، بەزى جەمەت باشلىقلىرى ئىبادەتخانىنى ئەسلى ئورنىغا قايتىدىن بىنا قىلىشقا خالىس ھەدىيىلەرنى تەقدىم قىلدى. ئۇلار ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە جەمئىي 61,000‏ ئالتۇن تەڭگە، 3000 كىلو كۈمۈش ۋە 100 قۇر روھانىي تونىنى ئىئانە قىلدى. روھانىيلار، لاۋىيلار، مۇناجاتچىلار، ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى، ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە بىر قىسىم كىشىلەر يېرۇسالېم ئەتراپىغا ئولتۇراقلاشتى. قالغانلار بولسا ئۆز يۇرتلىرىغا جايلاشتى. كۈز پەسلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئىسرائىللار ئۆز يۇرتلىرىغا ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلار بىر نىيەت بىر مەقسەتتە يېرۇسالېمغا جەم بولدى. يوزاداقنىڭ ئوغلى يېشۇۋا بىلەن ئۇنىڭ خىزمەتداش روھانىيلىرى ۋە شىئالتېلنىڭ ئوغلى زىرۇببابەل بىلەن ئۇنىڭ تۇغقانلىرى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ قۇربانلىق سۇپىسىنى ياساشقا باشلىدى. ئۇلار ئۇنى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدىكى يوليۇرۇقلارغا بىنائەن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىش ئورنى مەقسىتىدە سالدى. ئۇلار يەرلىك خەلقتىن قورقسىمۇ، يەنىلا قۇربانلىق سۇپىسىنى ئەسلى ئورنىغا قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار سەھەرلىك ۋە كەچلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنى ئۇنىڭدا قىلىشقا باشلىدى. ئۇلار تەۋرات قانۇنىغا بىنائەن كەپە تىكىش ھېيتى قىلىپ، ھەر كۈنى تېگىشلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلار يەنە كۈندىلىك، يېڭى ئاي ۋە پەرۋەردىگار بېكىتكەن ھېيتلاردا قىلىشقا تېگىشلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى قىلىشقا باشلىدى. شۇنىڭدەك ئۇلار پەرۋەردىگارغا خالىس ھەدىيىلىرىنى تەقدىم قىلدى. روھانىيلار كەپە تىكىش ھېيتىدىن ئون بەش كۈن بۇرۇن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىشقا باشلىدى. بۇ ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلى تېخى قويۇلۇپ بولمىغان ۋاقىت ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن خەلق تاشچى ۋە ياغاچچىلارنى ياللاپ، تىرلىقلار ۋە سىدونلۇقلارنىڭ كېدىر ياغاچلىرىغا يېمەك-ئىچمەك ۋە زەيتۇن يېغىنى تېگىشتى. بۇ ياغاچلار دېڭىز ئارقىلىق لىۋاندىن جاففا شەھىرىگە ئېلىپ كېلىندى. بۇ ئىش پېرسىيە پادىشاھى كورەشنىڭ رۇخسىتى بىلەن بولدى. خەلق سۈرگۈندىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى ئىككىنچى ئەتىيازنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشى باشلىنىپ كەتتى. بۇ خىزمەتكە شىئالتېلنىڭ ئوغلى زىرۇببابەل، يوزاداقنىڭ ئوغلى يېشۇۋا ھەم باشقا روھانىيلار، لاۋىيلار ۋە قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى قاتناشتى. لاۋىيلارنىڭ يېگىرمە ياشتىن يۇقۇرىلىرى ئىبادەتخانىنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى نازارەت قىلىشقا تەيىنلەندى. يېشۇۋا بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئەر قېرىنداشلىرى، قادمىئېل ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى (ھەممىسى ھوداۋيانىڭ ئەۋلادلىرى) ئىبادەتخانىدا ئىشلەۋاتقان ئىشچىلار ئۈستىدىن نازارەت قىلدى. لاۋىيلاردىن بولغان خېنادادنىڭ ئەر جەمەتلىرىمۇ ئۇلارغا ياردەملەشتى. ئۇلار ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلىنى قويۇپ بولغاندا، روھانىيلار تونلىرىنى كىيىپ، كانايلارنى تۇتۇپ، ھەر قايسىسى ئۆز ئورۇنلىرىدا تۇرۇشتى. لاۋىيلاردىن بولغان ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرى جاڭلارنى تۇتۇپ تۇرۇشتى. ئۇلار ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق پادىشاھى داۋۇتنىڭ كۆرسەتكىنىدەك پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلىدى. ئۇلار مەدھىيە ۋە مىننەتدارلىق بىلەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئېيتىشىشلارنى ئۆتكۈزۈپ: «پەرۋەردىگار شاپائەتلىكتۇر! ئىسرائىلىيەگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر!» دېيىشتى. ئاندىن بارلىق خەلق ئۈنلۈك ۋارقىراپ پەرۋەردىگارغا مەدھىيىلەر ئوقۇشتى. چۈنكى ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلى قويۇلۇپ بولغانىدى. لېكىن بۇرۇنقى ئىبادەتخانىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن نۇرغۇن ياشانغان روھانىيلار، لاۋىيلار ۋە جەمەت باشلىقلىرى ھازىرقى قويۇلغان ئۇلنى كۆرۈپ، ئازابلىنىپ ئۈن سېلىپ يىغلىۋەتتى. باشقىلار بولسا قىيقاس چىقىرىپ تەنتەنە قىلىشتى. بۇ سادالار پەلەككە يەتكەنلىكتىن، ھېچكىم تەنتەنە ساداسى بىلەن يىغا-زار ئاۋازىنى پەرق ئېتەلمەيتتى. ئاۋازلار يىراق جايلاردىن ئاڭلىنىپ تۇراتتى. يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىلىرىنىڭ رەقىبلىرى سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ئاتالغان ئىبادەتخانىنى قايتىدىن بىنا قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار زىرۇببابەل بىلەن جەمەت باشلىقلىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ: _ ئىبادەتخانىنى قۇرۇش خىزمىتىڭلارغا بىزمۇ قاتنىشايلى! بىزمۇ سىلەر ئېتىقاد قىلىدىغان خۇداغا ئىبادەت قىلىمىز. ئاسسۇر پادىشاھى ئېسارخاددون بىزنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەندىن بۇيان، داۋاملىق خۇداغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ كېلىۋاتىمىز. _ دېيىشتى. زىرۇببابەل، يېشۇۋا ۋە جەمەت باشلىقلىرى ئۇلارغا: _ سىلەر خۇدايىمىزغا ئاتىغان بۇ ئىبادەتخانىنى بىنا قىلىشقا ئارىلىشالمايسىلەر! پېرسىيە پادىشاھى كورەشنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ئۆزىمىز ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا، يەنى پەرۋاەردىگارغا ئاتاپ ئۇنى قۇرۇپ چىقىمىز! _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن يەرلىك خەلق يەھۇدىيلارنى نائۈمىدتە قويۇشقا تىرىشىپ، ئۇلارنى قورقۇتۇپ قۇرۇلۇشقا دەخلى يەتكۈزدى. ئۇلار يەنە يەرلىك ئەمەلدارلارغا پارا بېرىپ، ئۇلارغا توسقۇنلۇق قىلدى. بۇ ئىش پېرسىيە پادىشاھلىرى كورەشتىن تاكى دارىئوسقىچە داۋاملاشتى. نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن ، ئاخاشۋېروش پادىشاھ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە باشلىغاندا، يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېم خەلقىنىڭ رەقىبلىرى ئۇلار ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ مەكتۇپ سۇندى. يىللار ئۆتۈپ ئارتاخشاستى پادىشاھ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقاندا، بىشلام، مىترىدات، تابىئال ۋە باشقا ئەمەلدارلار پېرسىيە پادىشاھىغا مەكتۇپ يازدى. بۇ مەكتۇپ ئارامىي تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، پادىشاھقا تەرجىمە قىلىپ سۇنۇلدى. رىخۇم قوماندان ۋە شىمشاي پۈتۈكچىمۇ يېرۇسالېمنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا ئارتاخشاستى پادىشاھقا مەكتۇپ يازدى. مەكتۇپنى تۆۋەندىكى ئادەملەر پۈتكەنىدى: رىخۇم قوماندان، شىمشاي پۈتۈكچى، ئۇلارنىڭ باشقا خىزمەتداش ئەمەلدارلىرى، سوتچىلار، يەرلىك ئەمەلدارلار، پارسلار، ئەرەكلىكلەر، بابىللىقلار ۋە ئېلامدىكى سۇزا شەھىرىدىن كۆچۈپ كەلگەنلەر، ئۇلۇغ ۋە شانلىق ئوسناپپار پادىشاھ تەرىپىدىن يۇرتىدىن سۈرگۈن قىلىنىپ، سامارىيەنىڭ شەھەرلىرىدە ۋە فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى باشقا جايلاردا ياشىغان خەلقلەر. مەكتۇپنىڭ مەزمۇنى مۇنداق: «ئارتاخشاستى پادىشاھقا، فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى خىزمەتكارلىرىدىن سالام! ئالىيلىرىغا شۇنى مەلۇم قىلىمىزكى، ئالىيلىرى تەرىپىدىن بۇ ياققا كېلىپ، يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقان يەھۇدىيلار رەزىللىككە ۋە توپىلاڭغا تولغان ئۇ شەھەرنى قايتىدىن قۇرماقتا. ئۇلار سېپىل ئۇلىنى رېمونت قىلىپ، سېپىللارنى بىنا قىلماقتا. ئى ئالىيلىرى! بۇ شەھەر قۇرۇلۇپ، سېپىللىرى ياسىلىپ بولسا، ئۇ كىشىلەر ھەر خىل ئالۋان-ياساقلارنى تۆلىمەيدۇ-دە، ئالىيلىرىنىڭ خەزىنىسىگە كىرىدىغان كىرىم كېمىيىپ كېتىدۇ. بىز سىلىنىڭ تۇزلىرىنى يەپ كەلگەن پۇقرالار، ئالىيلىرى نامىغا داغ كەلتۈرۈشنى ھەرگىز خالىمايمىز. شۇ ۋەجىدىن بۇ ئىشنى ئۆزلىرىگە مەلۇم قىلدۇق. ئالىيلىرىنىڭ سابىق پادىشاھلارنىڭ تەزكىرىلىرىنى ئىزدىنىپ بېقىشىنى سورايمىز. شۇنداق بولغاندا، بۇ شەھەرنىڭ توپىلاڭغا تولغانلىقىنى، پادىشاھلارنى ۋە ئۆلكىلەرنى پاراكەندە قىلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرەلەيدىلا. بۇ شەھەردە قەدىمدىن بېرى قوزغىلاڭ بولۇپ كەلگەن، شۇڭا شەھەر گۇمران قىلىنغان. ئالىيلىرىنىڭ سەمىگە شۇنى سالىمىزكى، ئەگەر بۇ شەھەر قايتىدىن بىنا قىلىنىپ سېپىللىرى پۈتسە، ئالىيلىرى فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىگە ئىگىدارچىلىق قىلالماي قالىدىلا.» پادىشاھ جاۋابەن مۇنداق دېدى: «رىخۇم قوماندان، شىمشاي پۈتۈكچى ۋە سىلەرنىڭ سامارىيە ھەم فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىدە تۇرغۇچى باشقا خىزمەتداش ئەمەلدارلىرىڭلارغا سالام! سىلەر سۇنغان مەكتۇپنى تەرجىمە قىلدۇرۇپ ئوقۇتتۇم. تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە ئەمر قىلغانىدىم. دەرۋەقە، يېرۇسالېمنىڭ قەدىمدىن بۇيان پادىشاھلارغا قارشىلىقلارنى قىلىپ كەلگەنلىكىنى بايقىدىم. ئۇ شەھەر توپىلاڭ ۋە قوزغىلاڭغا تولغانىكەن. قۇدرەتلىك پادىشاھلار ئۇ يەردە ياشىغان ۋە فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى پۈتۈن ئۆلكىنى سورىغان ھەم ئۇلاردىن ھەر خىل ئالۋان-ياساقلارنى ئېلىپ كەلگەنىكەن. شۇڭا سىلەر بۇيرۇق چۈشۈرۈپ تاكى مەن ئەمر قىلغۇچە، ئۇ شەھەرنىڭ قايتىدىن بىنا قىلىنىشىنى توسۇڭلار. ئېغىر زىيانغا ئۇچرىماسلىقىم ئۈچۈن، بۇ ئىشقا سەل قارىماڭلار!» رىخۇم، شىمشاي پۈتۈكچى ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتداشلىرى ئارتاخشاستى پادىشاھنىڭ جاۋاب خېتىنى ئاڭلاپ، دەرھال يېرۇسالېمغا بېرىپ قورال كۈچى بىلەن يەھۇدىيلارنى ئىش توختىتىشقا مەجبۇر قىلدى. خۇدانىڭ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن بىنا قىلىش قۇرۇلۇشى توختاپ قالغانىدى. بۇ ئەھۋال پېرسىيە پادىشاھى دارىئوس ھاكىمىيىتىنىڭ 2-يىلىغىچە داۋاملاشتى. ئۇ چاغدا ھاگاي پەيغەمبەر ھەم ئىددونىڭ ئوغلى زىكىرىيا پەيغەمبەر ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن ھەم ئۇلارغا يار بولغان خۇدانىڭ نامى بىلەن يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدا تۇرىدىغان يەھۇدىيلارغا خۇدانىڭ ۋەھىيلىرىنى يەتكۈزۈشكە باشلىغانىدى. شىئالتېلنىڭ ئوغلى زىرۇببابەل ۋە يوزاداقنىڭ ئوغلى يېشۇۋا يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىنى بىنا قىلىشنى يەنە قايتىدىن باشلىدى. ئۇشبۇ ئىككى پەيغەمبەر ئۇلار بىلەن بىللە بولۇپ، ياردەمدە بولدى. فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ باشلىقى تاتتىناي، شىتار-بوزىناي ۋە باشقا خىزمەتداش ئەمەلدارلار شۇ ۋاقىتتا يېرۇسالېمغا كېلىپ ئۇلاردىن: _ سىلەرگە بۇ ئىبادەتخانىنى بىنا قىلىشقا ۋە تاملارنى قوپۇرۇشقا كىم رۇخسەت بەردى؟ _ دەپ سورىدى. ئۇلار يەنە ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىدىكىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى سورىدى. لېكىن خۇدانىڭ نەزىرى ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، پارس ئەمەلدارلىرى دارىئوس پادىشاھقا مەكتۇپ تۇتۇپ جاۋاب ئالغۇچە، ئۇلارنىڭ قۇرۇلۇش ئىشىنى توسمىدى. فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ باشلىقى تاتتىناي، شىتار-بوزىناي ۋە خىزمەتداش ئەمەلدارلارنىڭ پادىشاھقا تۇتقان مەكتۇپى مۇنداق ئىدى: «دارىئوس پادىشاھ ئالىيلىرىغا سالام! ئالىيلىرىغا شۇنى مەلۇم قىلىمىزكى، بىز يەھۇدىيە رايونىغا بېرىپ، ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ قايتىدىن بىنا قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. بۇ ئىبادەتخانا قورام تاشلار بىلەن ياسىلىۋېتىپتۇ ۋە تاملىرىنىڭ ئىچىگە چوڭ لىملار قويۇلۇپتۇ. بۇ قۇرۇلۇش ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوڭۇشلۇق كېتىۋېتىپتۇ. بىز ئاقساقاللاردىن ئىبادەتخانىنى قايتىدىن بىنا قىلىش ۋە تاملىرىنى پۈتتۈرۈشكە كىم رۇخسەت بەرگەنلىكىنى سورىدۇق. ئالىيلىرىغا بۇ خىزمەتكە يىتەكچىلىك قىلغۇچىلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى سورىدۇق. ئۇلار جاۋابەن: ‹بىز پۈتۈن ئالەمنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدانىڭ بەندىلىرىمىز. بىز ھازىر قايتىدىن بىنا قىلىۋاتقان ئىبادەتخانىنى نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى ئىسرائىلىيەنىڭ بىر كۈچلۈك پادىشاھى قۇرۇپ چىققان. ئەجدادلىرىمىز ئەرشىئەلادىكى خۇدانىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويغانلىقتىن، خۇدا ئۇلارنى كالدانلارنىڭ پادىشاھى، يەنى بابىلنىڭ سابىق پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. پادىشاھ بۇ ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىپ، خەلقنى بابىلغا سۈرگۈن قىلدى. لېكىن بابىل پادىشاھى كورەشنىڭ بىرىنچى يىلى مەزكۇر ئىبادەتخانىنىڭ قايتىدىن بىنا قىلىنىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى. كورەش پادىشاھ ھەتتا نىبۇكادنەزەر پادىشاھ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدىن ئولجا ئېلىپ بابىلدىكى بۇتخانىغا قويغان ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان قاچا-قۇچىلارنى شېشباسسار ئىسىملىك بىر كىشىگە قايتۇرۇپ بەردى. كورەش پادىشاھ ئۇنى يەھۇدىيەگە باشلىق قىلىپ تەيىنلىگەنىدى. پادىشاھ ئۇنىڭغا بۇ قاچا-قۇچىلارنى يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا ئالغاچ كېتىشنى ھەمدە ئىبادەتخانىنى ئەسلى ئورنىغا قايتىدىن بىنا قىلىپ چىقىشنى بۇيرۇدى. شۇڭا شېشباسسار قايتىپ كېلىپ، يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلىنى ئورناتتى. قۇرۇلۇش شۇ چاغدىن تارتىپ ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا ۋە تېخى پۈتمىدى.› دېدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىيلىرى توغرا كۆرسىلە، بابىلنىڭ ئوردا تەزكىرىسىنى ئىزدىنىپ باققايلا. كورەش پادىشاھنىڭ يېرۇسالېمدىكى مەزكۇر ئىبادەتخانىنى قايتىدىن بىنا قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن-چۈشۈرمىگەنلىكىنى ئېنىقلاپ كۆرگەيلا. ئاندىن بىزگە بۇ ئىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرۇلۇق يوليورۇق بەرگەيلا.» شۇنىڭ بىلەن دارىئوس پادىشاھ بابىلدىكى ئارخىپخانىنى تەكشۈرۈپ چىقىشنى بۇيرۇدى. مىدىيا ئۆلكىسىنىڭ ئاخمىتا شەھىرىدىكى ئوردىدىن بىر قەدىمىي ئورالما قوليازما تېپىلدى. ئۇنىڭدا مۇنداق پۈتۈلگەنىدى: «يارلىق: كورەش پادىشاھ تەختكە ئولتۇرغان بىرىنچى يىلى يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانا توغرۇلۇق پەرمان چۈشۈردى. ئىبادەتخانا يەھۇدىيلار قۇربانلىق سۇنىدىغان ئەسلى ئورنىغا قايتىدىن قۇرۇپ چىقىلسۇن. مەزكۇر ئىبادەتخانىنىڭ ئېگىزلىكى يىگىرمە يەتتە مېتىر، كەڭلىكى يىگىرمە يەتتە مېتىر بولسۇن. تاملىرى ھەر ئۈچ قەۋەت تاشنىڭ ئۈستىگە بىر قەۋەت ياغاچ قويۇلۇپ ياسالسۇن. پۈتۈن خىراجىتى ئوردا خەزىنىسىدىن ئاجرىتىلسۇن. نىبۇكادنەزەر پادىشاھ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدىن بابىلغا ئېلىپ كەلگەن ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان قاچا-قۇچىلار ئەسلىدىكى ئىبادەتخانىغا قايتۇرۇلۇپ، ئورنىغا قويۇلسۇن.» شۇڭا، پادىشاھ دارىئوس مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: «فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ باشلىقى تاتتىناي، شىتار-بوزىناي ۋە بۇ ئۆلكىنىڭ خىزمەتداش ئەمەلدارلىرىغا: ‹سىلەر ئىبادەتخانىغا يېقىنلاشماڭلار. ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىغا ئارىلاشماڭلار. يەھۇدىيەنىڭ باشلىقى بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ ئاقساقاللىرى ئىبادەتخانىنى ئەسلى ئورنىغا قايتىدىن بىنا قىلسۇن. مەن سىلەرنىڭ ئۇلارغا ياردەمدە بولۇشۇڭلارنى بۇيرۇيمەن. قۇرۇلۇش توختاپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ پۈتۈن خىراجىتى فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ ئوردا خەزىنىسىگە كىرىدىغان ئالۋان-ياساق كىرىمىدىن كېچىكتۈرمەي ئاجرىتىلسۇن. سىلەر يېرۇسالېمدىكى روھانىيلارنىڭ ئەرشىئەلادىكى خۇداغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇشى ئۈچۈن ئۇلارغا نېمە كېرەك بولسا شۇنى، يەنى تورپاق، قوچقار ۋە پاقلانلارنى بېرىڭلار ھەمدە ئۇلار تەلەپ قىلغان بۇغداي، تۇز، شاراب ۋە زەيتۇن ياغلىرىدىن تارتىپ ھەممىنى ھەر كۈنى ئۈزۈلدۈرمەي تەمىنلەڭلار. شۇنداق بولغاندا، ئۇلار ئەرشىئەلادىكى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىقلارنى سۇنۇپ، خۇدانىڭ ماڭا ۋە ئوغۇللىرىمغا بەخت ئاتا قىلىشىغا دۇئا قىلالايدۇ. يەنە شۇنداق بۇيرۇيمەنكى: كىمكى پەرمانىمغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزسە، ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ بىر لىمى سۇغۇرۇپ ئېلىنىپ، ئۇ ئادەم تىكلەنگەن لىمغا سانجىپ قويۇلسۇن، ئۆيى ئەخلەت دۆۋىسىگە ئايلانسۇن. ئەگەر بىرەر پادىشاھ ياكى پۇقرا بۇ پەرمانغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزسە، مەزكۇر ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىۋەتمەكچى بولسا، ئۆز نامىنى ئۇلۇغلاشقا يېرۇسالېمنى تاللىغان خۇدا ئۇنى ئۇرسۇن. مەزكۇر پەرماننى مەنكى دارىئوس جاكارلىدى، سۆزسىز ئىجرا قىلىنسۇن!» شۇنىڭ بىلەن فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ باشلىقى تاتتىناي، شىتار-بوزىناي ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتداش ئەمەلدارلىرى، پادىشاھنىڭ پەرمانىنى سۆزسىز ئىجرا قىلدى. ھاگاي پەيغەمبەر ۋە ئىددونىڭ ئوغلى زىكىرىيا پەيغەمبەرنىڭ ۋەھىي يەتكۈزۈشى بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ ئاقساقاللىرى ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇلار ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئەمرىگە بىنائەن پېرسىيە پادىشاھلىرى كورەش، دارىئوس ۋە ئارتاخشاستىنىڭ پەرمانلىرى بويىچە ئىبادەتخانىنى بىنا قىلىشنى تاماملىدى. دارىئوس پادىشاھ ھاكىمىيىتىنىڭ 6-يىلى ئادار ئېيىنىڭ 3-كۈنى ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلۇشى تەلتۆكۈس تامام بولدى. ئىسرائىل خەلقى، جۈملىدىن روھانىيلار، لاۋىيلار ۋە قالغان سۈرگۈنلەر ئىبادەتخانىنى خۇداغا بېغىشلاش مۇراسىمىنى شاد-خۇراملىق ئىچىدە ئۆتكۈزدى. ئۇلار بۇ مۇراسىمدا 100 تۇياق تورپاق، 200 تۇياق قوچقار ۋە 400 تۇياق پاقلان قۇربانلىق قىلدى، يەنە 12 تېكىنى ئىسرائىلىيەنىڭ 12 قەبىلىسى ئۈچۈن گۇناھ كەچۈرۈلۇش قۇربانلىقى قىلدى. مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋراتتىكى يازمىلارغا بىنائەن روھانىيلار بىلەن لاۋىيلار ئۆز جامائەتچىلىكى بويىچە يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدا نۆۋەتچىلىك بىلەن خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا تەشكىللەندى. 1-ئاينىڭ 14-كۈنى سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەر ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزدى. پۈتۈن روھانىيلار ۋە لاۋىيلار ئۆزلىرىنى پاكلىدى. ئۇلار پاكلىنىپ، بارلىق سۈرگۈنلەر، خىزمەتداش روھانىيلار ۋە ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ مېلىنى بوغۇزلىدى. سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن ئىسرائىللار ۋە ناپاك يولىنى تاشلاپ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغان شۇ يەردىكى يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ بۇ قۇربانلىق بىلەن غىزالاندى. ئاندىن ئۇلار پېتىر نان ھېيتىنى شاد-خۇراملىق ئىچىدە يەتتە كۈن ئۆتكۈزدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنى شادلىققا چۆمدۈرگەنىدى، چۈنكى ئۇ ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ دىلىنى يۇمشىتىپ، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن بىنا قىلىشنى قوللاتقۇزغانىدى. نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن پېرسىيە پادىشاھى ئارتاخشاستى مەزگىلىدە ئەزرا ئىسىملىك بىر روھانىي ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ سىرايانىڭ ئوغلى، سىرايا ئازاريانىڭ ئوغلى، ئازاريا خىلقىيانىڭ ئوغلى، خىلقىيا شاللۇمنىڭ ئوغلى، شاللۇم زادوقنىڭ ئوغلى، زادوق ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى، ئاخىتۇب ئاماريانىڭ ئوغلى، ئاماريا ئازاريانىڭ ئوغلى، ئازاريا مىرايوتنىڭ ئوغلى، مىرايوت زىراخيانىڭ ئوغلى، زىراخيا ئۇززىنىڭ ئوغلى، ئۇززى بۇققىنىڭ ئوغلى، بۇققى ئابىشۇۋانىڭ ئوغلى، ئابىشۇۋا پىنىخاسنىڭ ئوغلى، پىنىخاس ئەلئازارنىڭ ئوغلى، ئەلئازار بولسا تۇنجى باش روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئىدى. بابىلدىن ئايرىلغان تەۋرات ئۇستازى ئەزرا، پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرگەن تەۋرات قانۇنىدا كامالەتكە يەتكەنىدى. ئەزرا پادىشاھتىن نېمىنى تەلەپ قىلسا، پادىشاھ شۇنى ئورۇنداپ بېرەتتى، چۈنكى پەرۋەردىگار، يەنى ئۇ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئۇنىڭغا يار بولغانىدى. ئارتاخشاستى پادىشاھنىڭ يەتتىنچى يىلى ئەزرا بىر توپ ئىسرائىللارنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ كەلدى. بۇ كىشىلەر ئارىسىدا روھانىيلار، لاۋىيلار، ئىبادەتخانا مۇناجاتچىلىرى، دەرۋازىۋەنلىرى ۋە خىزمەتكارلىرى بار ئىدى. ئەزرا پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىنى ئۆگىنىشكە، ئىجرا قىلىشقا ۋە بۇ قانۇننىڭ قائىدە-نىزاملىرىنى ئىسرائىللارغا ئۆگىتىشكە ئۆزىنى بېغىشلىغانىدى. ئارتاخشاستى پادىشاھ ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى پىششىق بىلىدىغان تەۋرات ئۇستازى ئەزرا روھانىيغا ئۇشبۇ مەكتۇپنى تۇتتى. «مەنكى شاھلارنىڭ شاھى ئارتاخشاستىدىن ئەرشىئەلادىكى خۇدانىڭ قانۇنىنىڭ ئۇستازى ئەزرا روھانىيغا سالام! پادىشاھلىقىمدا ياشاۋاتقان ئىسرائىل خەلقى جۈملىدىن روھانىيلار، لاۋىيلار ۋە باشقىلارغا شۇنى بۇيرۇيمەنكى، ئۇلار خالىغانچە ئۆزلىرى بىلەن بىر قاتاردا يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتسە بولىدۇ. مەن، جۈملىدىن يەتتە مەسلىھەتچىم بىرلىكتە ئۆزلىرىنى يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەگە قايتقان سۈرگۈنلەرنىڭ سىلىگە ھاۋالە قىلىنغان خۇدانىڭ قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ كېلىشكە ئەۋەتتىم. مېنىڭ ۋە مەسلىھەتچىلىرىمنىڭ ئۆز رازىلىقىمىز بىلەن تەقدىم قىلغان ئالتۇن-كۈمۈشلىرىنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن ۋە يېرۇسالېمدا بولغان خۇداغا بېغىشلىغايلا. شۇنىڭدەك، بابىل ئۆلكىسىدە يىغىلغان ئالتۇن-كۈمۈشلەر ۋە ئىسرائىللار ھەم روھانىيلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىسىغا سۇنۇلغان خالىس ھەدىيىلەرنى ئالغاچ كەتكەيلا. بۇلارغا تورپاق، قوچقار، پاقلانلارنى، جۈملىدىن ئۇلار بىلەن بىرگە ئاشلىق ۋە شارابلارنى سېتىۋېلىپ، سىلەر ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىسىنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىدا ھەدىيە قىلغايلا. ئۆزلىرى ۋە قېرىنداشلىرى ئېشىپ قالغان ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى سىلەر ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئاساسەن مۇۋاپىق جايغا ئىشلەتكەيلا. ئىبادەتخانىنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن ئۆزلىرىگە بېرىلگەن قاچا-قۇچىلارنى يېرۇسالېم ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان خۇداغا بېغىشلىغايلا. بۇنىڭدىن باشقا، ئىبادەتخاناڭلارغا نېمە لازىم بولسا، ئوردا خەزىنىسىدىن ئېلىپ ئىشلەتكەيلا. مەنكى ئارتاخشاستى پادىشاھ فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ بارلىق خەزىنە ئەمەلدارلىرىغا بۇيرۇيمەنكى، ئەرشىئەلادىكى خۇدانىڭ قانۇنىنى پىششىق بىلىدىغان ئەزرا روھانىينىڭ بارلىق تەلەپلىرىنى تېزدىن بەجا كەلتۈرۈڭلار. سىلەر 3400 كىلو كۈمۈش، 300 تاغار بۇغداي، 2200 كىلو شاراب، 2200 كىلو زەيتۇن يېغىغىچە تەمىن ئېتىڭلار. تۇز چەكسىز تەمىنلەنسۇن. سىلەر ئەرشىئەلادىكى خۇدا ئۆز ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن چۈشۈرگەن ئەمرلىرىنىڭ ھەممىسىنى تولۇق بەجا كەلتۈرۈڭلار. شۇنداق بولغاندا، خۇدانىڭ غەزىپى ماڭا ۋە ئوغۇللىرىمغا چۈشمەيدۇ. روھانىيلار، لاۋىيلار، مۇناجاتچىلار، دەرۋازىۋەنلەر، خىزمەتكارلار ۋە ئىبادەتخانىدىكى ھەرقانداق باشقا خىزمەتچىلەردىن ئالۋان-ياساق ئېلىنمىسۇن. ئەزرا، خۇدا ئۆرلىرىگە ئاتا قىلغان ئەقىل-پاراسەت بىلەن فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىدە ياشايدىغان ھەم خۇدانىڭ قانۇنىنى بىلىدىغان بارلىق ئادەملەرنى ئىدارە قىلىشقا ئەمەلدار ۋە سوتچىلارنى تەيىنلىگەيلا. قانۇندىن ساۋاتى يوقلارغا ئۇنىڭدىن تەلىم بەرگەيلا. كىمكى خۇدانىڭ قانۇنىغا ياكى پادىشاھلىقنىڭ قانۇنىغا بويسۇنمىسا، قاتتىق جازاغا تارتىلسۇن، ئۆلتۈرۈلسۇن، سۈرگۈن قىلىنسۇن ياكى مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنسۇن ۋە ياكى قاماققا تاشلانسۇن.» ئەزرا مۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا مەدھىيىلەنگەي! ئۇ يېرۇسالېمدىكى ئۆز ئىبادەتخانىسىنى زىننەتلەشنى پادىشاھنىڭ دىلىغا سالدى. خۇدا ماڭا مەڭگۈلۈك مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، مېنى پادىشاھ، ئۇنىڭ مەسلىھەتچىلىرى ۋە بارلىق نوپۇزلۇق ئەمەلدارلىرىنىڭ قوللىشىغا ئىگە قىلدى. پەرۋەردىگارىم خۇدا ماڭا يار بولۇپ، ماڭا جاسارەت بەردى. شۇڭا مەن ئىسرائىللارنىڭ يۇرت باشلىرىنى ئۆزۈم بىلەن بىللە قايتىشقا يىغدىم.» ئارتاخشاستى پادىشاھ ھاكىمىيەت تۇتقان مەزگىلدە مەنكى ئەزرا بىلەن بىللە بابىلدىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلگەن جەمەت باشلىقلىرىنىڭ ئىسىملىكى ۋە ئۇلارنىڭ نەسەبنامىسى تۆۋەندىكىچە: پاخات-موئاب جەمەتىدىن زىراخيانىڭ ئوغلى ئەليىھوئېناي ۋە 200 ئەر زاتتۇ جەمەتىدىن ياخازىئېلنىڭ ئوغلى شېكانيا ۋە 300 ئەر ئادىن جەمەتىدىن يوناتاننىڭ ئوغلى ئەبىد ۋە 50 ئەر ئېلام جەمەتىدىن ئاتاليانىڭ ئوغلى يىشايا ۋە 70 ئەر شىفاتيا جەمەتىدىن مىكائىلنىڭ ئوغلى زىباديا ۋە 80 ئەر يوئاب جەمەتىدىن يىخىئېلنىڭ ئوغلى ئوباديا ۋە 218 ئەر بانى جەمەتىدىن يوسىفيانىڭ ئوغلى شىلومىت ۋە 160 ئەر بېباي جەمەتىدىن بېباينىڭ ئوغلى زىكىرىيا ۋە 28 ئەر ئازگاد جەمەتىدىن ھاققاتان ئوغلى يوخانان ۋە 110 ئەر ۋاقچىرەك قايتىپ كەلگەن ئادونىقام جەمەتىدىن ئەلىفەلەت، يىئۇئېل، شىمايا ۋە 60 ئەر بىگۋاي جەمەتىدىن ئۇتاي، زاككۇر ۋە 70 ئەر. مەن بارلىق خەلقنى ئاھاۋاغا قاراپ ئاقىدىغان دەريانىڭ بويىغا جەم قىلدىم ۋە ئۇ يەردە ئۈچ كۈن قارارگاھ قۇردۇق. مەن روھانىيلار ۋە قالغان خەلقنى تەكشۈرگىنىمدە، لاۋىيلارنىڭ يوقلۇقىنى بايقىدىم. شۇڭا يۇرت باشلىرىدىن ئەلىئەزەر، ئارىئېل، شىمايا، ئەلناتان، يارىب، ئەلناتان، ناتان، زىكىرىيا ۋە مىشۇللاملارنى ھەم ئاقىلانە ئۇستازلاردىن يويارىب ۋە ئەلناتانلارنى چاقىرىپ، ئۇلارنى كاسىفيا دېگەن جايدىكى لاۋىيلارنىڭ بېشى ئىددونىڭ يېنىغا ئەۋەتتىم. مەن ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ئىددو ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن، يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدا خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا ئادەم ئەۋەتىپ بېرىشنى سورىدىم. خۇدا ماڭا يار بولۇپ، بىزگە شېرېبىيا ئىسىملىك ئەقىل-ئىدراكلىق بىر كىشىنى ئەۋەتتى. ئۇ ماخلى جەمەتىدىن بولغان لاۋىيلاردىن ئىدى، ئۇنىڭ ئوغوللىرى ۋە ئەر قېرىنداشلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي ئون سەككىز كىشى كەلدى. ئۇلار يەنە مىرارى جەمەتىدىن خاشابيا ۋە يىشايا ھەم ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئەر قېرىنداشلىرىدىن يىگىرمە كىشىنى ئەۋەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە 220 نەپەر ئىبادەتخانا خىزمەتكارى قېتىلىپ كەلدى. بۇ كىشىلەرنىڭ ئەجدادلىرىنى داۋۇت پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى لاۋىيلارغا ياردەم بېرىشكە تەيىنلىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى تىزىملىكتە بىر-بىرلەپ پۈتۈلگەنىدى. ئاھاۋا دەرياسىنىڭ بويىدا مەن جامائەتكە روزا تۇتۇشنى جاكارلاپ، ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا كەمتەر بولۇپ، خۇدادىن بىز، بالىلىرىمىز ۋە بارلىق مال-مۈلكىمىز ئۈچۈن بىخەتەر سەپەر تىلىدىم. پادىشاھتىن سەپەردە بىزنى دۈشمەندىن قوغداشقا پىيادە ۋە ئاتلىق ئەسكەرلەرنى سوراش مەن ئۈچۈن بىر نومۇس ئىش ئىدى. چۈنكى مەن پادىشاھقا: «خۇدايىمىز ئۇنىڭغا تايانغانلارغا يار بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرگە غەزەب ياغدۇرىدۇ» دېگەنىدىم. شۇڭا بىز روزا تۇتۇپ، خۇدانىڭ بىزنى قوغدىشىغا دۇئا قىلدۇق. خۇدا دۇئايىمىزنى ئىجابەت قىلدى. روھانىي باشلىقلار ئارىسىدىن شېرېبىيا، خاشابيا ۋە ئۇلارنىڭ ئون تۇغقىنىنى تاللىدىم. ئاندىن پادىشاھ، ئۇنىڭ مەسلىھەتچى ھەم ئەمەلدارلىرى ۋە بارلىق ئىسرائىللار ئىبادەتخانىغا تەقدىم قىلغان ئالتۇن-كۈمۈش ۋە قاچا-قۇچىلارنىڭ ئېغىرلىقىنى تارتىپ ئۇلارغا تاپشۇردۇم. مەن تاپشۇرغان نەرسىلەر تۆۋەندىكىچە: 22 توننا كۈمۈش كۈمۈش قاچا-قۇچىلار (جەمئىي 3400 كىلو) 3400 كىلو ئالتۇن 20 دانە ئالتۇن قاچا (8 كىلو 400 گرام) 2 دانە ئېسىل، پارقىراق تۇچ قاچا (قىممىتى ئالتۇن بىلەن باراۋەر) مەن ئۇلارغا: _ سىلەر ۋە قاچا-قۇچىلار پەرۋەردىگارغا ئاتالغان. ئالتۇن-كۈمۈش بولسا پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا بېغىشلانغان خالىس ھەدىيىدۇر. سىلەر يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىنىڭ ئامبارلىرىغا يېتىپ بارغۇچە، ئۇلارغا ياخشى قاراڭلار. سىلەر روھانىي باشلىقلار، لاۋىيلار ۋە ئىسرائىللارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى ئالدىدا ئېغىرلىقىنى تارتىپ ئۆتكۈزۈپ بېرىڭلار، _ دېدىم. شۇنىڭ بىلەن روھانىيلار ھەم لاۋىيلار بۇ ئالتۇن-كۈمۈش ۋە قاچا-قۇچىلارنى خۇدايىمىزنىڭ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىسىغا ئېلىپ بېرىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالدى. بىز 1-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاھاۋا دەرياسىدىن يېرۇسالېمغا قاراپ يولغا چىقتۇق. سەپىرىمىزدە خۇدايىمىز بىزگە يار بولۇپ، بىزنى دۈشمەن ۋە قاراقچىلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىدى. يېرۇسالېمغا يېتىپ بېرىپ، ئۈچ كۈن دەم ئالدۇق. تۆتىنچى كۈنى ئىبادەتخانىغا بېرىپ، ئالتۇن-كۈمۈش ۋە قاچا-قۇچىلارنىڭ ئېغىرلىقىنى تارتىپ، ئۇرىيانىڭ ئوغلى مىرېموت روھانىيغا تاپشۇرۇپ بەردۇق. مىرېموت روھانىينىڭ يېنىدا پىنىخاسنىڭ ئوغلى ئەلئازار، لاۋىيلاردىن يېشۇۋانىڭ ئوغلى يوزاباد ۋە بىننۇينىڭ ئوغلى نوئاديادىنلار بار ئىدى. ھەممە نەرسىلەرنى ساناپ، تارازىدىن ئۆتكۈزۈپ خاتىرىگە ئالدۇق. قايتىپ كەلگەن ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى قىلدى. ئۇلار بارلىق ئىسرائىللار ئۈچۈن 12 تورپاق، توقسان 96 قوچقار، 77 پاقلان ۋە گۇناھ كەچۈرۈلۈش قۇربانلىقى ئۈچۈن 12 تېكە قۇربانلىق قىلدى. بۇ ماللارنىڭ ھەممىسى قۇربانلىق ئۈچۈن كۆيدۈرۈلۈپ، پەرۋەردىگارغا سۇنۇلدى. ئۇلار يەنە پادىشاھ ئۆزلىرىگە ھاۋالە قىلغان مەكتۇپنى فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكە باشلىقلىرى بىلەن ئەمەلدارلارغا يەتكۈزۈپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىسرائىل خەلقى ۋە خۇداغا بېغىشلانغان ئىبادەتخانىغا ياردەمدە بولدى. بۇ ئىشلار ئۆتۈپ، بەزى يەھۇدىي ئەمەلدارلار ماڭا كېلىپ: _ بەزى ئىسرائىللار، جۈملىدىن ئۇلار ئارىسدىكى بەزى روھانىيلار ۋە لاۋىيلارمۇ يەرلىك خەلقلەردىن، يەنى كەنئانلار، خىتلار، پەرىززىلەر، يىبۇسلار، ئاممونلار، موئابلار، مىسىرلىقلار، ئامورلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىشلىرىدىن ئۆزلىرىنى نېرى تۇتمىدى. ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرى يەرلىك خەلقلەرنىڭ قىزلىرىدىن ئۆيلىنىپ، خۇدانىڭ مۇقەددەس ئىرقىنى بۇلغىدى. بۇ ساداقەتسىز ئىشتا ئەڭ يامىنى ئەمەلدارلار بىلەن باشلىقلار باشلامچى گۇناھكار! _ دېدى. مەن بۇ ئىشنى ئاڭلىغان ھامان، چاپان-چارامنى يىرتىپ، چاچ-ساقاللىرىمنى يۇلۇپ، چۆچۈگەن ھالدا تاڭ قېتىپ ئولتۇرۇپ قالدىم. تاڭ قېتىپ ئولتۇرۇپ قېلىشىم تاكى كەچلىك قۇربانلىقنى سۇنغۇچە بولدى. ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ سۆزىدە چىڭ تۇرىدىغان كىشىلەر باشقا سۈرگۈنلەرنىڭ ساداقەتسىزلىكلىرىنى ئاڭلاپ، تىترىگەن ھالدا ئەتراپىمغا ئولىشىۋالدى. كەچلىك قۇربانلىق سۇنىدىغان چاغدا، مەن قايغۇ-ھەسرەت ئىچىدە چاپان-چارىلىرىم يىرتىق ھالدا ئورنۇمدىن تۇردۇم. ئاندىن تىزلىنىپ تۇرۇپ قوللىرىمنى پەرۋەردىگارىم خۇداغا كۆتۈرۈپ دۇئا قىلدىم: «ئى خۇدا، ھەقىقەتەن خىجالەتمەن! سېنىڭ ئالدىڭدا ئۇيالغىنىمدىن يۈزۈمنى كۆتۈرەلمەيمەن. بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئاسمانغا تاقاشتى، جىنايەتلىرىمىز چېكىگە يەتتى. ئەجدادلىرىمىز زامانىدىن ھازىرغىچە ئېغىر گۇناھ ئىچىدە ئۆتتۇق. شۇ ۋەجىدىن بىز، پادىشاھلىرىمىز ۋە روھانىيلىرىمىز ياقا-يۇرتلۇق پادىشاھلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ، قىرغىن، تۇتقۇن، تالان-تاراج قىلىنغان ۋە خورلانغانىدۇق. بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا شۇنداق بولماقتىمىز. بىراق ھازىر پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزگە قىسقا ۋاقىت مېھىر-شەپقەت قىلىپ، ئاز بىر قىسمىمىزنى سۈرگۈندىن قۇتقۇزۇپ، بۇ مۇقەددەس ماكاندا ئامان-ئېسەن ياشاتتى. ئۇ بىزلەرگە ئۈمىد ئاتا قىلىپ، قۇللۇقىمىزدا بىزگە بىرئاز ئاراملىق بەردى. بىز قۇل ئىدۇق، بىراق ئۇ بىزنى قۇللۇقتا تاشلاپ قويمىدى. ئۇ بىزگە پېرسىيە پادىشاھلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا مەڭگۈلۈك مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، يېڭى ھاياتلىق بەردى، خۇدايىمىزنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن بىنا قىلدۇردى ھەمدە خارابىلىكلەرنى تۈزەتتى. بىزلەرنى يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدا قوغداپ قالدى. ئى خۇدايىمىز! بىراق ئەمدى بىز بۇنىڭغا نېمە دېيەلەيمىز؟ سېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىڭغا يەنە ئىتائەت قىلمىدۇق. خىزمەتكارىڭ پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق قىلغان ئەمرلىرىڭگە خىلاپلىق قىلدۇق. ئۇلار بىزگە: «سىلەر بېرىپ ئىگە بولىدىغان يەر، يەرلىك ئاھالىنىڭ ناپاك قىلمىشلىرى بىلەن بۇلغانغان. ئۇلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىپلاسلىقلىرى ئۇ يەرنىڭ ھەممە بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا تولغان. ئۇ كىشىلەر بىلەن ھەرگىز نىكاھلانماڭلار ۋە ئۇلارنىڭ ئامانلىقى ياكى روناق تېپىشىنى ئىزدەنمەڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، سىلەر كۈچىيىسىلەر، بۇ زېمىننىڭ ھوسۇللىرىدىن بەھرىمەن بولىسىلەر ھەمدە بۇ يەرنى ئەۋلادلىرىڭلارغا مەڭگۈ مىراس قالدۇرىسىلەر. بېشىمىزغا كەلگەن ھەممە ئىش بىزنىڭ رەزىللىك ۋە سەۋەنلىكلىرىمىزدىن بولدى. شۇنداقتىمۇ، ئى خۇدايىمىز، بىزگە بەرگەن جازايىڭ يەنىلا يەڭگىل بولۇپ، ئايرىملىرىمىزنى يەنىلا ئامان قالدۇردۇڭ. بىز ئەمدى قانداقمۇ سېنىڭ ئەمرلىرىڭگە خىلاپلىق قىلىپ، بۇ يىرگىنچلىك كىشىلەر بىلەن نىكاھلىنايلى؟ ئەگەر شۇنداق قىلساق، جەزمەن غەزىپىڭنى قوزغاپ، بىرىمىزنىمۇ قويماي ھالاك قىلمامسەن؟ ئى پەرۋەردىگار، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، سەن ھەققانىيدۇرسەن! ئايرىملىرىمىز قۇتۇلغان بولساقمۇ، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە ئاز قالدۇق. لېكىن بىزگە باقساڭ، بىز ھەممىمىز ئالدىڭدا گۇناھكارمىز. شۇ ۋەجىدىن ھېچكىم سېنىڭ ھۇزۇرۇڭدا بولالمايدۇ.» ئەزرا ئىبادەتخانا ئالدىدا يۈزىنى يەرگە يېقىپ، يىغا-زار بىلەن دۇئا قىلىپ، گۇناھلار ئۈچۈن توۋا قىلىۋاتقىنىدا، زور بىر توپ ئىسرائىللار، جۈملىدىن ئەر-ئايال ۋە بالىلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، ھەسرەتلىك يىغلاشتى. ئېلام جەمەتىدىن يىخىئېلنىڭ ئوغلى شېكانيا ئەزراغا: _ بىز يەرلىكلەردىن بولغان يات خەلقلەردىن خوتۇن ئېلىپ، خۇدايىمىزغا ساداقەتسىزلىك قىلدۇق. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، ئىسرائىلىيەدە يەنە ئۈمىد بار. شۇڭا بىز بۇ خوتۇنلار ۋە ئۇلاردىن بولغان بالىلاردىن ۋاز كېچىمىز دەپ، خۇدايىمىزغا قەسەم بېرىشىمىز كېرەك. بىز سېنىڭ ۋە خۇدايىمىزنىڭ ئەمرىگە بويسۇنىدىغان كىشىلەرنىڭ نەسىھەتلىرى بويىچە مېڭىپ، بۇنى خۇدانىڭ قانۇنىغا بىنائەن ئورۇندايمىز. ئورنۇڭدىن تۇر! سەن بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىشتا ھوقۇقلۇق، بىز سېنى قوللايمىز. سەن جۈرئەتچان بولۇپ، بۇ ئىشنى ئىشقا ئاشۇر! _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەزرا ئورنىدىن تۇرۇپ، روھانىي باشلىقلار، لاۋىيلار ۋە قالغان بارلىق ئىسرائىل خەلقىنى بۇ تەكلىپ بويىچە ئىش كۆرۈشكە قەسەم قىلدۇردى. ئۇلار شۇ بويىچە ئىش كۆردى. ئاندىن ئەزرا ئىبادەتخانا ئالدىدىن ئايرىلىپ، ئەلياشىبنىڭ ئوغلى يىھوخاناننىڭ ھۇجرىسىغا كىردى. ئۇ ئۇ يەردە قايتىپ كەلگەن سۈرگۈنلەرنىڭ ساداقەتسىزلىكى ئۈچۈن بىر كېچە يېمەي-ئىچمەي ھەسرەت چەكتى. كېيىن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا جايلىرىغا سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يېرۇسالېمغا جەم بولۇشى توغرىسىدا مۇنداق ئەمر چۈشۈرۈلدى: «كىمكى ئۈچ كۈن ئىچىدە يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلمىسە، ئەمەلدار ۋە ئاقساقاللارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىپ، جامائەتنىڭ ئەزاسى بولالمايدۇ.» ئۈچ كۈن ئىچىدە بارلىق يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەر يېرۇسالېمغا جەم بولدى. 9-ئاينىڭ 20-كۈنى ، بارلىق خەلق ئىبادەتخانا ئالدىدىكى مەيداندىن ئورۇن ئالدى. قاتتىق يامغۇر ۋە بۇ ئىشنىڭ جىددىيلىكى سەۋەبىدىن ھەممە ئادەمنى تىترەك باستى. ئاندىن ئەزرا روھانىي ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلارغا: _ سىلەر ساداقەتسىزلىك قىلىپ، يات خەلقلەردىن خوتۇن ئېلىپ، ئىسرائىللارنى تېخىمۇ ئېغىر گۇناھقا پاتقۇزدۇڭلار. ئەمدى سىلەر پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا گۇناھىڭلار ئۈچۈن توۋا قىلىپ، ئۇنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىش كۆرۈڭلار. زېمىنىمىزدا تۇرىدىغان يەرلىك خەلقلەر ۋە ياتتىن ئالغان خوتۇنلىرىڭلاردىن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈڭلار! _ دېدى. جامائەت يۇقىرى ئاۋازدا جاۋابەن مۇنداق دېدى: _ توغرا ئېيتتىڭىز، دېگىنىڭىزنى بەجا كەلتۈرىمىز! لېكىن ئادەم كۆپ ھەم يامغۇر پەسلى، بىز سىرتتا ئۇزۇن تۇرالمايمىز. بۇ بىر-ئىككى كۈندە پۈتىدىغان ئىش ئەمەس. چۈنكى بۇ گۇناھقا پاتقان ئادەملەر ناھايىتى كۆپ. ئەمەلدارلىرىمىز بىزگە ۋەكىل بولسۇن. يات خەلقلەردىن خوتۇن ئالغان كىشىلەر بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئۆز شەھىرىنىڭ ئاقساقال ۋە سوراقچىلىرى بىلەن بىللە بۇ يەرگە كەلسۇن. شۇنداق قىلغاندا خۇدايىمىزنىڭ بۇ ئىشقا بولغان غەزىپى پەسىيىپ قالار. پەقەت ئاسائېلنىڭ ئوغلى يوناتان بىلەن تىقۋاھنىڭ ئوغلى ياخزىيا بۇنىڭغا قارشى چىقتى. ئۇلارنى مىشۇللام بىلەن لاۋىيلاردىن شاببىتاي قوللىدى. قالغانلار بۇ مەسلىھەتنى قوبۇل قىلدى. شۇڭا ئەزرا روھانىي ھەر جەمەت باشلىقلىرى ئارىسىدىن كىشىلەرنى تاللاپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى خاتىرىلىۋالدى. 10-ئاينىڭ 1-كۈنى بۇ كىشىلەر جەم بولۇپ تەكشۈرۈشنى باشلىدى. ئۇلار 1-ئاينىڭ 1-كۈنى يات خەلقلەردىن خوتۇن ئالغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئېنىقلاپ بولدى. يات خەلقلەردىن خوتۇن ئالغان روھانىيلار جەمەتىنىڭ ئىسىملىكى تۆۋەندىكىچە: يوزاداقنىڭ ئوغلى يېشۇۋا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ جەمەتىدىن: مائاسېيا، ئەلىئەزەر، يارىب ۋە گىداليا. ئۇلار خوتۇنلىرىنى قويۇپ بېرىشكە قەسەم قىلىپ، گۇناھى ئۈچۈن ئەيىب قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر قوچقارنى ھەدىيە قىلدى. ئىممېر جەمەتىدىن خانانى ۋە زىباديا خارىم جەمەتىدىن مائاسېيا، ئىلياس، شىمايا، يىخىئېل ۋە ئۇززىيا پاشخۇر جەمەتىدىن ئەليوئېناي، مائاسېيا، ئىسمائىل، نىتانئېل، يوزاباد ۋە ئەلئاسا لاۋىيلاردىن يوزاباد، شىمئى، قېلايا (قىلىتا دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، پىتاخيا، يەھۇدا ۋە ئەلىئەزەر ئىبادەتخانا مۇناجاتچىلىرىدىن ئەلياشىب ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرىدىن شاللۇم، تەلەم ۋە ئۇرى باشقا ئىسرائىللاردىن: پارئوش جەمەتىدىن رامىيا، يىزىيا، مالكىيا، مىيامىن، ئەلئازار، مالكىيا ۋە بىنايا ئېلام جەمەتىدىن ماتتانيا، زىكىرىيا، يىخىئېل، ئابدى، يىرېموت ۋە ئىلياس زاتتۇ جەمەتىدىن ئەليوئېناي، ئەلياشىب، ماتتانيا، يىرېموت، زاباد ۋە ئازىزا بېباي جەمەتىدىن يىھوخانان، خانانيا، زابباي، ئاتلاي بانى جەمەتىدىن مىشۇللام، ماللۇك، ئادايا، ياشۇب، شىئال، يىراموت پاخات-موئاب جەمەتىدىن ئادنا، كىلال، بىنايا، مائاسېيا، ماتتانيا، بىزالئېل، بىننۇي ۋە ماناسسە خارىم جەمەتىدىن ئەلىئەزەر، يىششىيا، مالكىيا، شىمايا، شىمون، بىنيامىن، ماللۇك ۋە شىماريا خاشۇم جەمەتىدىن ماتتىناي، ماتتاتتا، زاباد، ئەلىفەلەت، يىرېماي، ماناسسە ۋە شىمئى بانى جەمەتىدىن مائاداي، ئامرام ۋە ئۇئېل، بىنايا، بېدياھ، كىلۇھى، ۋانياھ، مىرېموت، ئەلياشىب، ماتتانيا، ماتتىناي ۋە يائاساي بىننۇي جەمەتىدىن شىمئى، شەلەميا، ناتان، ئادايا، ماكنادبا، شاشاي، شاراي، ئازارئېل، شەلەميا، شىماريا، شاللۇم، ئاماريا ۋە يۈسۈپ نىبو جەمەتىدىن يىئىئېل، ماتتىتيا، زاباد، زىبىنا، يادداي، يوئېل ۋە بىنايا. مانا بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى يات خەلقلەردىن خوتۇن ئالغان، بەزىلىرى بۇ خوتۇنلاردىن بالىمۇ تاپقان. تۆۋەندە پۈتۈلگەنلەر خاكاليانىڭ ئوغلى نەخەمىيانىڭ سۆزلىرىدۇر. پېرسىيە پادىشاھى ئارتاخشاستى ھاكىمىيەت تۇتقان 20-يىلى كەچ كۈزنىڭ كىسلاۋ ئېيىدا ، مەنكى نەخەمىيا سۇزا شەھىرىنىڭ قەلئەسىدە تۇراتتىم. قېرىنداشلىرىمدىن بىرى بولغان خانانى بىرنەچچە كىشىلەر بىلەن يەھۇدىيەدىن كەلدى. مەن ئۇلاردىن سۈرگۈندىن قايتىپ كەتكەن يەھۇدىيلار ۋە يېرۇسالېمنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا سورىدىم. ئۇلار ماڭا، سۈرگۈندىن يەھۇدىيە رايونىغا قايتىپ كەتكەن يەھۇدىيلارنىڭ قاتتىق قىيىنچىلىقلارغا ھەمدە خورلۇققا دۇچ كەلگەنلىكىنى، يېرۇسالېمنىڭ سېپىللىرىنىڭ يەنىلا خارابلىقتا ۋە شەھەر دەرۋازىلىرىنىڭ كۆيدۈرۈۋېتىلگەن ھالەتتە تۇرغانلىقىنى ئېيتتى. مەن خىزمەتكارلىرىڭ بولغان ئىسرائىل خەلقى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز دۇئا-تىلاۋەت قىلغاندا، خىزمەتكارىڭ بولغان ماڭا نەزەر سېلىپ، دۇئالىرىمغا قۇلاق سالغايسەن! مەن بىز ئىسرائىللارنىڭ ساڭا قارشى گۇناھ قىلغىنىغا توۋا قىلىمەن. ھەتتا مەن ۋە ئەجدادلىرىممۇ گۇناھ ئۆتكۈزدۇق. بىز رەزىللىك بىلەن ساڭا قارشى چىقتۇق. بىز خىزمەتكارىڭ مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن ئەمر-پەرمان ۋە تۈزۈملىرىڭگە رىئايە قىلمىدۇق. مۇسا پەيغەمبەرگە ئېيتقانلىرىڭنى يادىڭدا تۇتقايسەن: ‹سىلەر ئىسرائىللار ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلساڭلار، سىلەرنى يات خەلقلەر ئارىسىغا چېچىۋېتىمەن، لېكىن، مېنىڭ يولۇمغا قايتىپ كېلىپ، ئەمر-پەرمانلىرىمغا بويسۇنۇپ، شۇ بويىچە ياشىساڭلار، دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا چېچىۋېتىلگەن بولساڭلارمۇ، ئۆزۈم سىلەرنى تاللىغان ۋە نامىم ئۇلۇغلىنىدىغان جايغا يىغىۋالىمەن.› سەن زور قۇدرىتىڭ ۋە كۈچلۈك قولۇڭ بىلەن قۇتقۇزغان كىشىلەر سېنىڭ خىزمەتكارلىرىڭ ھەم خەلقىڭدۇر. ئى ئىگەم! خىزمەتكارىڭنىڭ ۋە نامىڭنى شەرەپلەشتە خۇشاللىق تاپقان خىزمەتكارلىرىڭنىڭ دۇئايىغا قۇلاق سالغايسەن. بۈگۈن ئىشلىرىمنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇپ، پادىشاھنىڭ ئىلتىپاتىغا مۇيەسسەر بولۇشۇمنى ئورۇنداپ بەرگەيسەن!» شۇ مەزگىلدە مەن پادىشاھنىڭ باش ساقىيسى ئىدىم. كېيىن پېرسىيە پادىشاھى ئارتاخشاستىنىڭ 20-يىلى باش ئەتىياز نىسان ئېيىنىڭ بىر كۈنى ، مەن پادىشاھقا شاراب مۇلازىمىتى قىلىۋاتاتتىم. مەن ئۇنىڭ ئالدىدا ھەرگىز پەرىشان بولۇپ باقمىغانىدىم. ئۇ ماڭا: _ سېنىڭ كېسىلىڭ يوق تۇرۇقلۇق، يەنە نېمىشقا پەرىشان كۆرۈنىسەن؟ جەزمەن كۆڭلۈڭ سۇنۇق بولسا كېرەك! _ دېدى. مەن قاتتىق چۆچۈگەن ھالدا ئۇنىڭغا: _ ئالىيلىرىنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغاي! ئەجدادلىرىم دەپنە قىلىنغان شەھەر خارابلىقتا، شەھەر دەرۋازىلىرى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن ھالەتتە تۇرسا، قانداقمۇ پەرىشان بولماي تۇرالاي؟ _ دەپ جاۋاب بەردىم. پادىشاھ: _ مەندىن نېمە تىلەيسەن؟ _ دەپ سورىدى. مەن ئەرشئەلادىكى خۇداغا دۇئا قىلىپ، پادىشاھقا: _ ئەگەر ئالىيلىرى خالىسىلا، ئىلتىپاتلىرىغا مۇيەسسەر بولغان بولسام، مېنى ئەجدادلىرىم يەرگە قويۇلغان شەھەرنى يېڭىباشتىن بىنا قىلىشقا يەھۇدىيەگە ئەۋەتكەيلا، _ دېدىم. خانىش پادىشاھنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتى. پادىشاھ مەندىن، قانچىلىك ۋاقىتلىق بارىسەن؟ قاچان قايتىپ كېلىسەن؟ دەپ سورىدى. مەن ۋاقىتنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇ تەلىپىمگە قوشۇلدى. مەن پادىشاھقا يەنە مۇنداق دېدىم: _ ئەگەر ئالىيلىرى خالىسىلا، فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكە ئەمەلدارلىرىغا پېقىرنىڭ ئۇلارنىڭ زېمىنى ئارقىلىق يەھۇدىيەگە ئۆتۈشۈمگە يول خەت پۈتۈپ بەرگەن بولسىلا. پادىشاھنىڭ ئورمان باشقۇرغۇچىسى ئاسافنىڭ ماڭا ياغاچ بېرىشىگە مەكتۇپ پۈتۈپ بەرگەيلا. پېقىر ياغاچلارنى ئىبادەتخانا قورغىنىنىڭ دەرۋازىلىرى، شەھەر سېپىلى ۋە خۇسۇسىي ئۆيۈمگە لىم قىلىشقا ئىشلەتكەن بولسام. خۇدايىم ماڭا يار بولغاچقا، پادىشاھ تەلەپلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئورۇنداپ بەردى. پادىشاھ مېنى مۇھاپىزەت قىلىشقا ھەربىي ئەمەلدارلار بىلەن ئاتلىق لەشكەرلەرنى ئەۋەتتى. مەن فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىگە كەلگىنىمدە، پادىشاھنىڭ مەكتۇپىنى ئەمەلدارلارغا سۇندۇم. خورونلۇق سانباللات بىلەن ئاممونلاردىن بولغان ئەمەلدار توبىيا بىرىنىڭ ئىسرائىل خەلقىگە ياردەمگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ناھايىتى خاپا بولۇپتۇ. مەن يېرۇسالېمغا بېرىپ، ئۈچ كۈن تۇردۇم. ئۈچىنچى كۈنى يېرىم كېچىدە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، بىرنەچچە ھەمراھىم بىلەن سىرتقا چىقتىم. خۇدانىڭ يېرۇسالېم ئۈچۈن قەلبىمگە سالغان ئىشىنى ھېچكىمگە تىنمىدىم. بىزدىكى بىردىنبىر ئۇلاغ مەن مىنگەن ئېشەك ئىدى. مەن قاراڭغۇدا شەھەرنىڭ جىلغا دەرۋازىسى ئارقىلىق ئەجدىھا بۇلىقىدىن ئۆتۈپ، قىغ دەرۋازىسىغا باردىم. يول بويى خاراب بولغان سېپىللار بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىلگەن دەرۋازىلارنى تەكشۈردۈم. ئاندىن مەن بۇلاق دەرۋازىسىدىن ئۆتۈپ، شاھ كۆلچىكىگە باردىم. بىراق ئۇلىغىم خارابلىقتىن ئۆتەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن قاراڭغۇلۇقتا جىلغىنى بويلاپ، سېپىللارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقتىم. ئاندىن بۇرۇلۇپ، جىلغا دەرۋازىسى ئارقىلىق قايتىپ كەلدىم. مېنىڭ نەگە بېرىپ، نېمە قىلغانلىقىمنى ئەمەلدارلار بىلمىدى. مەن پىلانىمنى يەھۇدىي باشلىقلار _ روھانىيلار، جامائەت ئەربابلىرى، ئەمەلدارلار ياكى سېپىل قۇرۇشقا ئالاقىدار كىشىلەرگە تېخى تىنمىغانىدىم. بىراق، ھازىر مەن ئۇلارغا: _ بىزنىڭ ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلىرىمىزدىن سىلەرنىڭ خەۋىرىڭلار بار. چۈنكى يېرۇسالېم خارابلىقتا، شەھەر دەرۋازىلىرى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن ھالەتتە تۇرماقتا. يېرۇسالېم سېپىلىنى يېڭىباشتىن قۇرۇپ چىقىپ، خورلۇققا خاتىمە بېرەيلى! _ دېدىم. مەن ئۇلارغا خۇدايىم ماڭا يار بولغانلىقىنى ھەمدە پادىشاھنىڭ ماڭا دېگەنلىرىنى ئېيتتىم. ئۇلار: _ خوپ، ئەمىسە ئىشنى باشلايلى! _ دەپ، قوشۇمىلىرىنى تۈرۈشتى. خورونلۇق سانباللات بىلەن ئاممونلاردىن بولغان ئەمەلدار توبىيا ۋە گەشەم ئىسىملىك بىر ئەرەب بۇ ئىشنى ئاڭلاپ، بىزنى قاتتىق مەسخىرە قىلىپ: _ سىلەر نېمە قىلىۋاتىسىلەر؟ پادىشاھقا قارشى ئىسيان كۆتۈرمەكچىمۇ سىلەر؟ _ دەپ سوئال قويۇشتى. مەن جاۋابەن: _ ئەرشئەلادىكى خۇدا بىزنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى بولغان بىز بۇ قۇرۇلۇشنى باشلايمىز. سىلەرنىڭ يېرۇسالېمدا ھەققىڭلار يوق، قانۇنىي ۋە تارىخىي ھوقۇقۇڭلارمۇ يوق! _ دېدىم. باش روھانىي ئەلياشىب بىلەن ئۇنىڭ خىزمەتداش روھانىيلىرى قوي دەرۋازىسىنى قايتىدىن ياساپ، ئۇنى خۇداغا بېغىشلاپ، دەرۋازا قاناتلىرىنى ئورناتتى. ئاندىن سېپىلنى يۈز مۇنارىغىچە ئۇزارتىپ، خۇداغا بېغىشلىدى. كېيىن ئۇنى خانانئېل مۇنارىغىچە ئۇزارتتى. كېيىنكى بۆلىكىنى ئېرىخالىقلار ياسىدى. يەنە كېيىنكى بۆلىكىنى ئىمرىنىڭ ئوغلى زاككۇر ياسىدى. ھاسسىنائانىڭ ئوغۇللىرى بېلىق دەرۋازىسىنى ياسىدى. ئۇلار لىملارنى ۋە دەرۋازا قاناتلىرىنى ئورنىتىپ، بولتىلاپ، تاقاقلىرىنى بېكىتتى. خاققوزنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىيانىڭ ئوغلى مىرېموت سېپىلنىڭ كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. مىشېزابئېلنىڭ نەۋرىسى بەرەكيانىڭ ئوغلى مىشۇللام ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. بائانانىڭ ئوغلى زادوق ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. تىقوۋالىقلار ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. بىراق، ئۇلارنىڭ يۇرت باشلىرى قۇرۇلۇش باشقۇرغۇچىلىرىغا بويۇنتاۋلىق قىلدى. پاسېياخنىڭ ئوغلى _ يويادا ۋە بىسودىيانىڭ ئوغلى مىشۇللام كونا شەھەر دەرۋازىسىنى رېمونت قىلدى. ئۇلار لىملارنى ۋە دەرۋازا قاناتلىرىنى ئورنىتىپ، بولتىلاپ، تاقاقلىرىنى بېكىتتى. گىبئونلۇق مىلاتيا، مېرونوتلۇق يادون ۋە گىبئون ھەم مىزپاھ شەھىرىدىكىلەر ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. مىزپاھ شەھىرىدە فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ باشلىقى تۇراتتى. زەرگەرلەردىن بىرى بولغان خارھايانىڭ ئوغلى ئۇززىئېل، ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. ھانانيا ئەتىر ياسىغۇچىلاردىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى كەڭ سېپىلغىچە رېمونت قىلدى. خۇرنىڭ ئوغلى، يېرۇسالېم شەھەر رايونىنىڭ يېرىمىنى باشقۇرغۇچى رىفايا ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. خارۇمافنىڭ ئوغلى يىدايا ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىغىچە رېمونت قىلدى. خاشابنىيانىڭ ئوغلى خاتتۇش ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. خارىمنىڭ ئوغلى مالكىيا بىلەن پاخات-موئابنىڭ ئوغلى خاششۇب ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكى بىلەن تونۇرلار مۇنارىنى رېمونت قىلدى. ھاللوھېشنىڭ ئوغلى _ يېرۇسالېم شەھەر رايونىنىڭ باشقا بىر يېرىمىنى باشقۇرغۇچى شاللۇم قىزلىرى بىلەن ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. خانۇن زانوۋاخلىقلارنى باشلاپ، جىلغا دەرۋازىسىنى رېمونت قىلدى. ئۇلار دەرۋازىنى ياساپ، قاناتلىرىنى ئورنىتىپ، بولتىلاپ، تاقاقلىرىنى بېكىتتى. ئۇلار يەنە قىغ دەرۋازىسىغىچە بولغان تۆت يۈز ئەللىك مېتىر ئارىلىقنى ياسىدى. رېكابنىڭ ئوغلى _ بەيت-ھاككەرەم رايونىنىڭ باشقۇرغۇچىسى مالكىيا قىغ دەرۋازىسىنى رېمونت قىلدى. ئۇلار دەرۋازىنى ياساپ، قاناتلىرىنى ئورنىتىپ، بولتىلاپ، تاقاقلىرىنى بېكىتتى. كولخوزەنىڭ ئوغلى _ مىزپاھ رايونىنىڭ باشقۇرغۇچىسى شاللۇم، بۇلاق دەرۋازىسىنى ۋە دەرۋازا ئۆگزىسىنى رېمونت قىلدى ھەمدە دەرۋازا قاناتلىرىنى ئورنىتىپ، بولتىلاپ، تاقاقلىرىنى بېكىتتى. ئاندىن ئۇ پادىشاھ گۈللۈكىنىڭ يېنىدىكى شېلاھ كۆلچىكى سېپىلىنى، «داۋۇت شەھىرى»دىن چۈشىدىغان پەلەمپەيگىچە رېمونت قىلدى. ئازبۇقنىڭ ئوغلى _ بەيتزۇر رايونىنىڭ يېرىمىنى باشقۇرغۇچى نەخەمىيا ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى داۋۇت پادىشاھ قەبرىستانلىقىنىڭ ئۇدۇلىدىكى جايدىن سۇ ئامبىرى ۋە باھادىرلارنىڭ بارگاھىغىچە رېمونت قىلدى. بانىنىڭ ئوغلى رىخۇمنىڭ قول ئاستىدا ئىشلەيدىغان بىر توپ لاۋىيلار ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. ئاندىن قىئىلا رايونىنىڭ يېرىمىنى باشقۇرغۇچى خاشابيا ئۆز قول ئاستىدىكى رايون ئۈچۈن ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى، يەنى خېنادادنىڭ ئوغلى _ قىئىلا رايونىنىڭ يېرىمىنى باشقۇرغۇچى باۋۋاي ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. يېشۇۋانىڭ ئوغلى _ مىزپاھ شەھىرىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئەزەر ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى _ قورال ئامبىرىغا چىقىدىغان يولنىڭ ئۇدۇلىدىن سېپىلنىڭ تىرىكىگىچە رېمونت قىلدى. زابباينىڭ ئوغلى بارۇك ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى، يەنى سېپىلنىڭ تىرىكىدىن باشلاپ باش روھانىي ئەلياشىبنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكىگىچە رېمونت قىلدى. خاققوزنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىيانىڭ ئوغلى مىرېموت ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى ئەلياشىبنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكىدىن ئۇنىڭ ئاخىرىغىچە رېمونت قىلدى. يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدا تۇرىدىغان روھانىيلار ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. بىنيامىن ۋە خاششۇبلار ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكى، يەنى ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىنى رېمونت قىلدى. ئانانيانىڭ نەۋرىسى، يەنى مائاسېيانىڭ ئوغلى ئازاريا كېيىنكى بۆلىكى، يەنى ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىنى رېمونت قىلدى. خېنادادنىڭ ئوغلى بىننۇي كېيىنكى بۆلىكىنى، يەنى ئازاريانىڭ ئۆيىدىن سېپىلنىڭ تىرىكى ۋە ئۇنىڭ دوقمۇشىغىچە رېمونت قىلدى. ئۇزاينىڭ ئوغلى پالال ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى، يەنى سېپىلنىڭ تىرىكى ۋە مۇھاپىزەتچىلەر ھويلىسىنىڭ يېنىدىكى ئۈستۈنكى ئوردا مۇنارىنىڭ ئۇدۇلىنى رېمونت قىلدى. پارئوشنىڭ ئوغلى پىدايا ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى ئوفەل ئېگىزلىكىدە تۇرىدىغان ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى بىلەن سۇ دەرۋازىسىنىڭ ئۇدۇلىدىن شەرقتىكى سېپىلدىن چىقىپ تۇرغان مۇنارغىچە رېمونت قىلدى. كېيىنكى بۆلىكىنى تىقوۋالىقلار رېمونت قىلدى. بۇ ئۇلارنىڭ رېمونت قىلغان يەنە بىر بۆلىكى بولۇپ، بۈيۈك مۇنار ئۇدۇلىدىن ئوفەل سېپىلىغىچە ئىدى. روھانىيلار ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى، يەنى ئات دەرۋازىسىنىڭ يۇقىرىقى تەرىپىنى رېمونت قىلدى. ھەربىر روھانىي ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىنى رېمونت قىلدى. ئىممېرنىڭ ئوغلى زادوق ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكى بولغان ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىنى رېمونت قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى شىكانيانىڭ ئوغلى شەرقىي دەرۋازىنىڭ دەرۋازىۋىنى شىمايا رېمونت قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى شەلەميانىڭ ئوغلى خانانيا بىلەن زالافنىڭ ئالتىنچى ئوغلى خانۇن رېمونت قىلدى. بۇ ئۇلارنىڭ يەنە بىر رېمونت قىلغان بۆلىكى ئىدى. بەرەكيانىڭ ئوغلى مىشۇللام ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكى بولغان ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىنى رېمونت قىلدى. زەرگەرلەرنىڭ بىرى مالكىيا ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى كۆزەت دەرۋازىسى ئۇدۇلىدىكى ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرىنىڭ ھەم سودىگەرلەرنىڭ ئۆيىگىچە رېمونت قىلدى. ئاندىن سېپىلنى ئۈستىدە ئۆي جايلاشقان سېپىل دوقمۇشىغىچە ئۆزارتتى. باشقا زەرگەرلەر ۋە سودىگەرلەر ئۇ دوقمۇشتىن قوي دەرۋازىسىغىچە بولغان ئەڭ ئاخىرقى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. بىزنىڭ شەھەر سېپىلىنى يېڭىباشتىن بىنا قىلىۋاتقىنىمىزنى ئاڭلىغان سانباللات ناھايىتى خاپا بولۇپ، غەزەپلەنگەن ھالدا بىز يەھۇدىيلارنى مەسخىرە قىلىپ، ھەمراھلىرى ۋە سامارىيە قوشۇنلىرى ئالدىدا: _ بۇ ئاجىز يەھۇدىيلار نېمە قىلىۋاتىدىغاندۇ؟ ئۇلار بۇ سېپىلنى يېڭىباشتىن بىنا قىلماقچىمىكەن؟ ئۇلار قۇربانلىق قىلىش ئارقىلىق بۇ ئىشنى بىر كۈندىلا پۈتتۈرىمىز، دەپ ئويلامدىغاندۇ؟ خارابلىقتىكى كۈل-قوقاسقا ئايلانغان تاشلارنى قايتىدىن ئىشلىتەلەمدۇ؟ _ دېدى. ئاممونلاردىن بولغان توبىيا ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ: _ ئۇلارنىڭ ياساۋاتقان سېپىلىغا بىر تۈلكە چىقسا، ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ! _ دېدى. مەن مۇنداق دۇئا قىلدىم: «ئى خۇدايىمىز، ئۇلارنىڭ بىزنى مەسخىرە قىلىشلىرىغا قۇلاق سالغايسەن! ئۇلارنىڭ مەسخىرىسىنى ئۆز بېشىغا ياندۇرغايسەن! ئۇلارنى تالان-تاراج قىلىپ، ياقا يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلغايسەن. ئۇلار قۇرۇلۇشچىلار ئالدىدا سېنى ھاقارەتلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىغايسەن، گۇناھلىرىنى كەچۈرمىگەيسەن.» ھەممەيلەن چىن دىلى بىلەن ئىشلىگەچكە، سېپىلنى يېرىم تام قوپۇرۇپ، تۇتاشتۇردۇق. سانباللات، توبىيا، ئەرەبلەر، ئاممونلار ۋە ئاشدودلۇقلار يېرۇسالېم سېپىل قۇرۇلۇشىنىڭ ناھايىتى يۈرۈشۈۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ شورىلىرىنىڭ ئېتىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن غەزەپلەندى. ئۇلار بىرلىكتە سۇيىقەست پىلانلاپ، يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ، بىزنى تىرىپىرەن قىلماقچى بولدى. بىز خۇدايىمىزغا دۇئا قىلدۇق ھەمدە ئۇلارنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغدىنىش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈزلۈك قاراۋۇللارنى قويدۇق. لېكىن يەھۇدىيلار ئارىسىدا: «ئىشچىلار بارغانسېرى ھالىدىن كەتتى. نۇرغۇن كېرەكسىز تاش پارچىلىرى تۇرۇۋاتىدۇ، بىز سېپىلنى قانداقمۇ پۈتتۈرەرمىز؟» دېگەن گەپ تارقالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە رەقىبىمىزنىڭ: «بىز يەھۇدىيلارغا سەزدۈرمەي ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بېرىپ، ئۇلارنى قىرىپ تاشلاپ، قۇرۇلۇشنى توختىتىمىز» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق. دۈشمەنگە يېقىن ئولتۇراقلاشقان يەھۇدىيلار قايتا-قايتا كېلىپ بىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئۇلار ھەر تەرەپتىن بىزگە ھۇجۇم قوزغىماقچى!» دېدى. شۇڭا مەن ئادەملەرنى ئۆز جەمەتى بويىچە قىلىچ، ئوقيا ۋە نەيزىلەر بىلەن قوراللاندۇرۇپ، سېپىلنىڭ ئوچۇق ۋە ئەڭ پاكار يەرلىرىنىڭ كەينىگە قاراۋۇللۇققا قويدۇم. ئاندىن مەن ئەھۋالنى كۆزىتىپ، جامائەت ئەربابلىرى، ئەمەلدارلار ۋە قالغان خەلقلەرگە چاقىرىق قىلىپ: _ دۈشمەندىن قورقماڭلار! پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغ ۋە سۈرلۈكلىكىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. ئۆزۈڭلارنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرىڭلار، بالا-چاقىلىرىڭلار، ئاياللىرىڭلار ۋە ئۆي-ماكانىڭلار ئۈچۈن كۈرەش قىلىڭلار! _ دېدىم. دۈشمەنلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ سۇيىقەستلىرىنى بىلىپ قالغانلىقىمىزنى ئاڭلاپ، خۇدانىڭ ئۆزلىرىنىڭ پىلانىنى بۇزۇۋەتكەنلىكىنى چۈشەندى. شۇنىڭ بىلەن بىز ھەممىمىز ئەسلى ئورنىمىزغا قايتىپ بېرىپ، سېپىل قۇرۇلۇشىمىز بىلەن مەشغۇل بولدۇق. قۇرۇلۇشچىلارنىڭ ھەممىسى بېلىگە قىلىچ ئاسقانىدى. جەڭگە بۇرغا چالغۇچىمۇ يېنىمدا تۇراتتى. مەن جامائەت ئەربابلىرى، ئەمەلدارلار ۋە پۈتكۈل خەلققە: _ قىلىدىغان ئىش كۆپ ھەمدە سېپىلنىڭ ھەممە يېرىدە بار. سېپىلدا بىر-بىرىمىز بىلەن بولغان ئارىلىقىمىز يىراق. سىلەر بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان، مېنىڭ يېنىمغا يىغىلىڭلار. خۇدايىمىز جەڭدە بىز بىلەن بىر نەپەستە بولىدۇ، _ دېدىم. شۇڭا سەھەردە يۇلتۇزلار كۆرۈنگىچە يېرىمىمىز ئىشلىدۇق، يېرىمىمىز قولىمىزغا نەيزە ئېلىپ قاراۋۇللۇق قىلدۇق. شۇ ۋاقىتتا مەن ئادەملەرگە: _ ھەربىر ئادەم ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى كېچىسى يېرۇسالېمدا قونۇپ قاراۋۇللۇق قىلسۇن، كۈندۈزى قۇرۇلۇشچى بولسۇن، _ دېدىم. بۇ مەزگىلدە ھېچقايسىمىز _ مەن، تۇغقانلىرىم، خىزمەتكارلىرىم، مۇھاپىزەتچىلىرىممۇ ئۇچىمىزدىكى كىيىملىرىمىزنى ئالماشتۇرمىدۇق ھەمدە ھەممىمىز قولىمىزدىن قورالنى چۈشۈرمىدۇق. بىر مەزگىلدىن كېيىن، نۇرغۇن ئەر-ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ يەھۇدىي قېرىنداشلىرى توغرۇلۇق ئامما ئارىسىدا نارازىلىق بىلدۈردى. بەزىلەر: «بىز كۆپ جانلىق، بىزگە جېنىمىزنى ئامان ئەتكۈدەك ئوزۇق-تۈلۈك كېرەك!» دېيىشسە، بەزىلەر: «بىز قەھەتچىلىك مەزگىلىدە ئوزۇق-تۈلۈككە ئېرىشىش ئۈچۈن ئېتىزىمىز، ئۆزۈمزارلىقىمىز ۋە ئۆيلىرىمىزنى رەنىگە قويدۇق» دېيىشتى. يەنە بەزىلەر: «بىز پادىشاھقا ئېتىز ۋە ئۆزۈمزارلىق ياسىقى تاپشۇرۇش ئۈچۈن قەرز ئالدۇق. بىز بىلەن باي يەھۇدىي قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قېنى بىر، بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىدىن ھېچ پەرقى يوق. بىراق بىز پەرزەنتلىرىمىزنى ئۇلارغا قۇل قىلماسلىققا چارىمىز يوق. ھېلىمۇ قىزلىرىمىزدىن بەزىلىرى قۇل بولۇپ كەتتى. بىز بۇنىڭغا ئامالسىز. چۈنكى ئېتىزلىرىمىز ۋە ئۆزۈمزارلىقلىرىمىز قولىمىزدىن كەتتى.» دېدى. مەن ئۇلارنىڭ نارازىلىقلىرىنى ئاڭلاپ ناھايىتى ئاچچىقلاندىم. بۇ ئىشقا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، ئاندىن جامائەت ئەربابلىرى ۋە ئەمەلدارلارنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدىم: _ سىلەر ئۆسۈم ئېلىش ئارقىلىق ئۆز قېرىنداشلىرىڭلارغا زۇلۇم سېلىۋاتىسلەر! ئاندىن مەن جامائەتكە چاقىرىق قىلىپ، ئۇلارغا قارشى يىغىن ئاچتىم. يىغىندا مەن ئۇلارغا: _ بىز ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، يات خەلقلەرگە ئامالسىز سېتىلىپ كەتكەن يەھۇدىي قېرىنداشلىرىمىزنى تۆلەم تۆلەپ قايتۇرۇۋالغانىدۇق، ئەمدى سىلەر ئۇلارنى يەنە قۇللۇققا سېتىۋاتىسىلەر! بىز ئۇلارنى قايتىدىن قۇللۇقتىن سېتىۋېلىشىمىز كېرەكمۇ؟! _ دېدىم. ئۇلار تۇنجۇقۇپ كەتكىنىدىن زۇۋان سۈرمىدى. مەن يەنە: _ قىلغىنىڭلار ھەقىقەتەن توغرا بولماپتۇ! سىلەر نېمىشقا خۇدادىن قورقماي، يات خەلق رەقىبلىرىمىزنىڭ مەسخىرە قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىسىلەر؟ ھەتتا مەن، قېرىنداشلىرىم ۋە خىزمەتكارلىرىممۇ خەلققە پۇل ۋە ئاشلىق قەرز بەرگەنىدۇق. ئەمدى بىز ئۆسۈم ئېلىشنى توختىتايلى! سىلەرگە رەنىگە قويۇلغان ئېتىز، ئۈزۈمزارلىق، زەيتۇنلۇق ۋە ئۆيلەرنى ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىڭلار! پۇل، ئاشلىق، شاراب ۋە زەيتۇن يېغىنى قەرز بېرىپ ئالغان ئۆسۈملىرىڭلارنى ياندۇرۇپ بېرىڭلار! _ دېدىم. ئۇلار: _ ھەممىنى قايتۇرۇپ بېرىمىز ھەمدە خەلقتىن ھېچنېمىنى تەلەپ قىلمايمىز، دېگىنىڭىز بويىچە بېجىرىمىز، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى. مەن روھانىيلارغا چاقىرىق قىلىپ، جامائەت ئەربابلىرى ۋە ئەمەلدارلارنى بەرگەن ۋەدىسى بويىچە قەسەم قىلدۇردۇم. ئاندىن كېيىن چەكمىنىمنىڭ پېشىنى قېقىپ: _ خۇدا بۇ ۋەدىدە تۇرمىغانلارنى مۇشۇنداق قېقىپ، ئۇلارنى قورۇ-جايىدىن ۋە بېساتىدىن ئادا-جۇدا قىلىۋەتسۇن، _ دېدىم. جامائەتنىڭ ھەممىسى: «ئامىن!» دەپ، پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلىدى. ئۇلار ۋەدىسىدە تۇردى. مەن يەھۇدىيەگە باشلىق بولغان ئون ئىككى يىلدا، يەنى ئارتاخشاستى پادىشاھنىڭ 20-يىلىدىن ئوتتۇز ئىككىنچى يىلىغىچە، باشلىققا خاس يېمەكلىكلەرنى يېمىدىم، تۇغقانلىرىممۇ شۇنداق قىلدى. بۇرۇنقى باشلىقلارنىڭ ھەممىسى خەلققە ئالۋان-ياساق سالغانىدى. ئۇلار خەلقتىن ھەر كۈنلۈكى ئۈچۈن ئوزۇق-تۈلۈك ۋە شارابلارنى ھەمدە ئۇنىڭدىن باشقا قىرىق كۈمۈش تەڭگە ئالاتتى. ھەتتا ئۇلارنىڭ خىزمەتكارلىرىمۇ خەلققە زۇلۇم سالغانىدى. لېكىن مەن ئۇنداق قىلمىدىم، چۈنكى مەن خۇداغا ئىخلاسمەن ئىدىم. مەن ئۆزۈمنى سېپىل قۇرۇلۇشىغا ئاتىۋەتتىم. بىز يەرگىمۇ ئىگىدارچىلىق قىلمىدۇق. پۈتۈن خىزمەتكارلىرىممۇ سېپىل قۇرۇلۇشى بىلەن ھەپىلىشىپ كەتكەنىدى. مېنىڭ داستىخېنىمدىن غىزالىنىدىغان يەھۇدىيلار ۋە ئەمەلدارلار ئادەتتە بىر يۈز ئەللىك كىشى بولۇپ، بۇلاردىن باشقا ئەتراپتىكى مىللەتلەردىنمۇ بار ئىدى. ماڭا ھەر كۈنى بىر كالا، ئالتە قوي ۋە قۇشلار، ھەر ئون كۈندە بىر قېتىم ھەر خىل شارابلار تەييارلىناتتى. شۇنداقتىمۇ، مەن باشلىققا خاس يېمەكلىكلەرنى تەلەپ قىلمىدىم، چۈنكى خەلقنىڭ يۈكىنىڭ ناھايىتى ئېغىرلىقىنى بىلەتتىم. ئى خۇدا، بۇ خەلق ئۈچۈن قىلغانلىرىمنى سەمىڭدە تۇتۇپ، ماڭا ياخشىلىق قىلغايسەن! سانباللات، توبىيا شۇنداقلا گەشەم ئىسىملىك ھېلىقى ئەرەب ۋە باشقا رەقىبلەر بىزنىڭ سېپىلنى پۈتتۈرۈپ بولغانلىقىمىزدىن ۋە بىرەر شورىمۇ ئېتىلمەي قالمىغىنىدىن خەۋەر تېپىپتۇ. ئەمەلىيەتتە، بىز شەھەرنىڭ دەرۋازىلىرىغا قاناتلارنى ئورناتمىغانىدۇق. سانباللات بىلەن گەشەم ماڭا بىر پارچە خەت يوللاپ، مېنىڭ ئونو تۈزلەڭلىكىدىكى كىفىرىم دېگەن جايدا ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىشىمنى تەلەپ قىلدى. ئۇلار ماڭا سۇيىقەست قىلماقچىدى. مەن ئۇلارغا ئادەم ئەۋەتىپ: «مەن ھازىر مۇھىم ئىش ئۈستىدە، ئۇ يەرگە بارالمايمەن. سىلەر بىلەن كۆرۈشىمەن دەپ، ئىشنى توختىتىپ قويۇشنى خالىمايمەن» دېدىم. ئۇلار ماڭا تۆت قېتىم ئوخشاش خەت يوللىدى. مەن ئۇلارغا بۇرۇنقىغا ئوخشاش جاۋاب قايتۇردۇم. بەشىنچى قېتىم سانباللات ماڭا ئۆز خىزمەتكارىدىن ئوچۇق خەت يوللىدى. خەتتە مۇنداق دېيىلگەنىدى: «خەلق ئارىسىدا گەپ تارقىلىپتۇ، گەشەممۇ شۇنداق دەيدۇ. سىز ھەم يەھۇدىيلار ئىسيان كۆتۈرمەكچىكەنسىلەر، شۇڭا سېپىلنى قۇرۇۋېتىپسىلەر. بۇ گەپچە، سىز ئۇلارغا پادىشاھ بولماقچىكەنسىز. ھەمدە پەيغەمبەرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېرۇسالېمدا ئۆزىڭىزنى يەھۇدىيەنىڭ پادىشاھى دەپ جاكارلاتقۇدەكسىز. بۇ ئىش جەزمەن پادىشاھنىڭ قۇلىقىغا يېتىدۇ. شۇڭا، كېلىپ مەن بىلەن بۇ توغرۇلۇق مەسلىھەتلىشىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.» مەن ئۇنىڭغا: «ئۇنداق ئىش يوق، بۇنى ئۆزىڭىز ئويدۇرۇپ چىقارغان!» دەپ جاۋاب يوللىدىم. ئۇلار بىزنى قورقۇتۇپ، قولىمىزنى ئىشقا بارماس قىلىپ، سېپىلنى پۈتتۈرمەسلىكنى ئويلىغانىدى. مەن: «ئى خۇدا، قولۇمغا كۈچ-قۇدرەت بەرگەيسەن!» دەپ دۇئا قىلدىم. بىر كۈنى مەن مىھېتابىئېلنىڭ نەۋرىسى _ دىلايانىڭ ئوغلى شىمايانىڭ ئۆيىگە باردىم. ئۇ ئىشىكنى تاقىۋېلىپ ئۆيدىن چىقمايتتى. ئۇ ماڭا: _ بىز ئىبادەتخانا ئىچىدە كۆرۈشۈپ، ئىشىكنى تاقىۋېتەيلى. چۈنكى ئۇلار بۈگۈن كەچ كېلىپ، سىزنى ئۆلتۈرمەكچى! _ دېدى. مەن ئۇنىڭغا جاۋابەن: _ مەندەك ساللاھىيەتتىكى ئادەم قېچىپ يۈرسە بولامدۇ؟ مەندەك ساللاھىيەتتىكى ئادەم جېنىنى ئامان ئېتىش ئۈچۈن ئىبادەتخانىغا مۆكۈنۈۋالسا بولامدۇ؟ مەن قەتئىي بارمايمەن! _ دېدىم. مەن شىمايانى خۇدانىڭ ئەۋەتمىگەنلىكىنى، بەلكى ئۇنىڭ توبىيا بىلەن سانباللاتقا سېتىلىپ ماڭا پەيغەمبەرچە ئېيتقان سۆزىنىڭ خۇدادىن كەلمىگەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم. ئۇلار مېنى قورقۇتۇپ، گۇناھقا پاتۇرماقچى بولغان. ئاندىن نامىمغا داغ كەلتۈرۈپ، تۆھمەت چاپلىماقچى بولغان. مەن: ئى خۇدايىم، توبىيا بىلەن سانباللاتنىڭ قىلمىشلىرىنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن! مېنى قورقۇتماقچى بولغان ساختا پەيغەمبەرلەردىن ئايال نوئاديا بىلەن باشقىلارنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، _ دەپ دۇئا قىلدىم. سېپىل ئەللىك ئىككى كۈندە كۈز پەسلى ئەلۇل ئېيىنىڭ يىگىرمە بەشىنچى كۈنى تاماملاندى. رەقىبلىرىمىز ۋە ئەتراپىمىزدىكى خەلقلەر بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندا قورقتى ۋە خىجالەتكە قالدى. چۈنكى ئۇلار بۇ قۇرۇلۇشنىڭ خۇدانىڭ ياردىمى ئارقىلىق پۈتكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەنىدى. شۇ ئەللىك ئىككى كۈن جەريانىدا، يەھۇدىي جامائەت ئەربابلىرى بىلەن توبىيا ئوتتۇرىسىدا خەت-ئالاقە بولۇپ تۇردى. نۇرغۇن يەھۇدىيە ئاھالىلىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تۇغقانچىلىقى بولۇپ، ئۇنى قوللاشقا قەسەم بەرگەنىدى. چۈنكى توبىيانىڭ قېيىنئاتىسى ئاراخنىڭ ئوغلى شىكانيا ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە توبىيانىڭ ئوغلى يىھوخانان بەرەكيانىڭ مىشۇللام دېگەن ئوغلىنىڭ قىزىنى ئالغانىدى. ئۇلار مېنىڭ ئالدىمدا توبىيانىڭ ياخشىلىقلىرىنى تىلغا ئېلىشتى ھەمدە مېنىڭ ئېيتقانلىرىمنى ئۇنىڭغا يەتكۈزۈپ تۇردى. توبىيامۇ مېنى قورقۇتۇش ئۈچۈن داۋاملىق خەت يوللاپ تۇردى. سېپىل پۈتۈپ، دەرۋازىلارغا قاناتلار ئورنىتىلىپ بولغانىدى. ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى، مۇناجاتچىلىرى ۋە باشقا لاۋىيلار خىزمەتلەرگە تەقسىم قىلىندى. مەن يېرۇسالېمنى باشقۇرۇشقا قېرىندىشىم خانانىنى ۋە ئىشەنچلىك، باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئىخلاسمەن قورغان قوماندانى ھانانيانى تەيىنلىدىم. مەن ئۇلارغا: _ يېرۇسالېم دەرۋازىلىرىنى چىڭقىچۈشتە ئاچماڭلار، دەرۋازىۋەنلەر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقاندا تاقاقلار سېلىنىپ دەرۋازىلار ئېتىلسۇن! يېرۇسالېم ئاھالىسىدىن بەزىلەرنى قاراۋۇللۇققا، بەزىلەرنى ئۆز ئۆيلىرىنىڭ ئەتراپىنى چارلاشقا مۇھاپىزەتچىلىككە تەيىنلەڭلار! _ دېدىم. بۇ ۋاقىتتا يېرۇسالېم ناھايىتى چوڭ بولسىمۇ، ئاھالىسى ئانچە كۆپ ئەمەس، ئۆيلەرمۇ ئانچە چۈشمىگەنىدى. خۇدا مېنىڭ جامائەت ئەربابلىرى، ئەمەلدارلار ۋە پۇقرالارنى يىغىپ، ئۇلارنىڭ نەسەبنامىسىنى تەكشۈرۈپ چىقىشىمنى كۆڭلۈمگە سالدى. مەن بىرىنچى تۈركۈم سۈرگۈندىن يەھۇدىيەگە قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ نەسەبنامە خاتىرىسىنى تاپتىم. ئۇنىڭدا مۇنداق خاتىرىلەنگەن: مانا بۇ بابىلدىكى ئەسىردىن قايتقان يەھۇدىي سۈرگۈنلەرنىڭ تىزىملىكى. نىبۇكادنەزەر پادىشاھ بۇرۇن ئۇلارنى بابىلغا پالىغانىدى. بىراق ھازىر ئۇلار ئۆز يۇرتى يەھۇدىيەنىڭ يېرۇسالېم ۋە باشقا جايلىرىغا قايتىپ كەلدى. زىرۇببابەل، يېشۇۋا، نەخەمىيا، ئازاريا، رائاميا، ناخامانى، موردىكاي، بىلشان، مىسپار، بىگۋاي، نىخۇم ۋە بائانالار ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ قايتۇرۇپ كەلدى. سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن ئىسرائىل ئەرلەرنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: پارئوش جەمەتىدىن 2172 كىشى شىفاتيا جەمەتىدىن 372 كىشى ئاراخ جەمەتىدىن 652 كىشى پاخات-موئاب جەمەتىدىن (يېشۇۋا ۋە يوئابنىڭ ئەۋلادلىرى) 2818 كىشى ئېلام جەمەتىدىن 1254 كىشى زاتتۇ جەمەتىدىن 845 كىشى زاككاي جەمەتىدىن 760 كىشى بانى جەمەتىدىن 648 كىشى بېباي جەمەتىدىن 628 كىشى ئازگاد جەمەتىدىن 2322 كىشى ئادونىقام جەمەتىدىن 667 كىشى بىگۋاي جەمەتىدىن 2067 كىشى ئادىن جەمەتىدىن 655 كىشى ئاتېر جەمەتىدىن (خىزكىيانىڭ ئەۋلادلىرى) 98 كىشى خاشۇم جەمەتىدىن 328 كىشى بېزاي جەمەتىدىن 324 كىشى خارىف جەمەتىدىن 112 كىشى گىبئون جەمەتىدىن 95 كىشى بەيتلەھەملىكلەر ۋە نىتوفالىقلاردىن 188 كىشى ئاناتوتلۇقلاردىن 128 كىشى بەيت-ئازماۋەتلىكلەردىن 42 كىشى قىريات-يىئارىم، كىفىرا ۋە بەئەروتلۇقلاردىن 743 كىشى راماھ ۋە گەبالىقلاردىن 621 كىشى مىكماسلىقلاردىن 122 كىشى بەيتەل ۋە ئايلىقلاردىن 123 كىشى نىبولۇقلاردىن 52 كىشى ئېلاملىقلاردىن 1254 كىشى خارىملىقلاردىن 320 كىشى ئېرىخالىقلاردىن 345 كىشى لود، خادىد ۋە ئونولۇقلاردىن 721 كىشى سىنائالىقلاردىن 3930 كىشى. روھانىيلاردىن: يىدايا جەمەتىدىن (يېشۇۋانىڭ ئەۋلادلىرى) 973 كىشى ئىممېر جەمەتىدىن 1052 كىشى پاشخۇر جەمەتىدىن 1247 كىشى خارىم جەمەتىدىن 1017 كىشى. لاۋىيلاردىن: يېشۇۋا جەمەتىدىن (قادمىئېل ۋە ھودىۋا ئەۋلادلىرى) 74 كىشى ئىبادەتخانا مۇناجاتچىلىرى ئاساف جەمەتىدىن 148 كىشى ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى شاللۇم، ئاتېر، تالمون، ئاققۇب، خاتىتا ۋە شوباي جەمەتلىرىدىن 138 كىشى. ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى جەمەتىدىن: زىخا، خاسۇفا، تاببائوت، قېروس، سىئە، پادون، لىبانا، خاگابا، شالماي، خانان، گىددېل، گاخار، رىئايا، رىزىن، نىقودا، گاززام، ئۇززا، پاسېياخ، بېساي، مىئۇنىم، نىفۇشىسىم، باقبۇق، خاقۇفا، خارخۇر، بازلىت، مىخىدا، خارشا، بارقوس، سىسىرا، تەماخ، نىزىياخ ۋە خاتىفالار. سۇلايمان پادىشاھ خىزمەتكارلىرى جەمەتىدىن: سوتاي، سوفەرەت، پىرىدا، يالا، دارقون، گىددېل، شىفاتيا، خاتتىل، پوكەرەت-ھاززىبايىم ۋە ئامونلار. ئىبادەتخانا ۋە سۇلايمان پادىشاھ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەمئىي 392 كىشى. تېلمەلاخ، تېلخارشا، كىرۇب، ئاددون ۋە ئىممېر دېگەن جايلاردىن كەلگەن بىر توپ كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىسرائىل ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالمىدى. بۇ كىشىلەر دىلايا، توبىيا ۋە نىقودا جەمەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، جەمئىي 642 كىشى ئىدى. خاباييا، ھاققوز ۋە بارزىللاي دېگەن ئۈچ روھانىي جەمەتىمۇ قايتىپ كەلگەن بولۇپ، بارزىللاي بولسا گىلئادلىق بارزىللاينىڭ بىر قىزىغا ئۆيلىنىپ، ئۇنىڭ فامىلىسىنى ئىشلەتكەنىدى. بۇ روھانىيلار ئۆز نەسەبنامىسىنى ئىزدىنىپ، جەمەت ناملىرىنى تاپالمىدى. شۇڭا ئۇلار ناپاك ھېسابلىنىپ، روھانىيلىق ئورنىدىن ئورۇن ئالالمىدى. يەھۇدىيلارنىڭ باشلىقى ئۇلارغا، «ئۇرىم» ۋە «تۇممىم»نى ئىشلىتىپ، خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلەلەيدىغان روھانىي كەلگۈچە، خۇداغا ئاتالغان يېمەكلىكلەرنىڭ روھانىيلارغا تېگىشلىكىنى يېمەسلىكنى بۇيرۇدى. يەھۇدىيەگە قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 42,360 كىشى بولدى. سانالماي قالغانلاردىن 7337 ئەر-ئايال خىزمەتكار، 245 ئەر-ئايال ناخشىچى ۋە ئۇلارنىڭ 736 ئات، 245 قېچىر، 435 تۆگە ۋە 6720 ئېشىكىمۇ بار ئىدى. بەزى جەمەت باشلىقلىرى ئىبادەتخانىنى يېڭىباشتىن بىنا قىلىشقا ئىئانە قىلدى. يەھۇدىيلارنىڭ باشلىقى 1000 ئالتۇن تەڭگە، 50 دانە داس، 530 قۇر روھانىي تونى بەردى. باشقا جەمەت باشلىقلىرى ئىبادەتخانا قۇرۇلۇش مالىيەسىگە 20,000 ئالتۇن تەڭگە ۋە 1320 كىلو كۈمۈش بەردى. قالغان خەلق 20,000 ئالتۇن تەڭگە، 1200 كىلو كۈمۈش ۋە 67 قۇر روھانىي تونى بەردى. بارلىق ئىسرائىللار، يەنى روھانىيلار، لاۋىيلاردىن ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى، مۇناجاتچىلىرى ھەم خىزمەتكارلىرى ۋە ئايرىم كىشىلەر ئۆز يۇرتلىرىغا جايلاشتى. ئىسرائىللار ئۆز يۇرتلىرىغا ئورۇنلىشىپ بولدى. كۈز كەلگەندە ئۇلار بىر نىيەت بىر مەقسەتتە يېرۇسالېمدىكى سۇ دەرۋازىسىدىن كىرگەندىكى مەيدانغا جەم بولدى. ئۇلار تەۋرات ئۇستازى ئەزرانى خۇدانىڭ ئىسرائىللارنىڭ ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرگەن تەۋرات قانۇن يازمىسىنى ئېلىپ كېلىشكە تەكلىپ قىلدى. شۇڭا 7-ئايىنىڭ 1-كۈنى ئەزرا روھانىي ئۇنى ئەرلەر، ئاياللار ۋە بارلىق چۈشىنەلەيدىغان بالىلار جەم بولغان جامائەت ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئۇ تاڭ سەھەردىن چۈشكىچە سۇ دەرۋازىسىدىن كىرگەندىكى مەيداندا قانۇننى چۈشىنەلەيدىغان ھەرقانداق كىشىگە ئۈنلۈك ئوقۇپ بەردى. بارلىق خەلق دىققەت بىلەن ئاڭلىدى. تەۋرات ئۇستازى ئەزرا بۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس ياسىتىلغان ئېگىز ياغاچ مۇنبەردە تۇردى. ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدىن ماتتىتيا، شەما، ئانايا، ئۇرىيا، خىلقىيا، مائاسېيالار ۋە سول يېنىدىن پىدايا، مىشائېل، مالكىيا، خاشۇم، خاشباددانا، زىكىرىيا، مىشۇللاملار ئورۇن ئالدى. ئەزرا مۇنبەردە تۇرغاندا، ھەممەيلەن ئۇنى ئېنىق كۆرەلىدى. ئۇ يازمىنى ئاچقاندا، بارلىق جامائەت ئورنىدىن تۇرۇشتى. ئۇ پەرۋەردىگار بولغان ئۇلۇغ خۇدانى مەدھىيەلىگەندە، پۈتۈن جامائەت قوللىرىنى كۆتۈرۈپ: «ئامىن! ئامىن!» دېيىشتى. كېيىن ئۇلار تىزلىنىپ، يۈزلىرىنى يەرگە يېقىپ سەجدە قىلدى. لاۋىيلاردىن يېشۇۋا، بانى، شېرېبىيا، يامىن، ئاققۇب، شاببىتاي، ھودىيا، مائاسېيا، قىلىتا، ئازاريا، يوزاباد، خانان ۋە پىلايالار جامائەت ئۆز ئورۇنلىرىدا تۇرغاندا، قانۇن توغرۇلۇق چۈشەنچە بەردى. ئۇلار خۇدانىڭ قانۇنىنى جامائەتكە ئوقۇپ، مەنىسىنى يېشىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن جامائەت بۇنىڭدىن چۈشەنچە ھاسىل قىلدى. جامائەت قانۇننى ئاڭلاپ، كۆز يېشى قىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيە باشلىقى نەخەمىيا، تەۋرات ئۇستازى ئەزرا روھانىي ۋە قانۇن توغرۇلۇق چۈشەنچە بېرىدىغان لاۋىيلار جامائەتكە: _ بۈگۈن پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ئۈچۈن مۇقەددەس كۈندۇر! سىلەر يىغا-زار قىلماڭلار! ئەمدى كۆپچىلىك قايتىپ زىياپەت تەييارلاڭلار. ئېسىل تائام ۋە شېرىن ئىچىملىكلەردىن بەھرىمەن بولۇڭلار. ئۇلارنى ھېچنېمە ھازىرلىيالمىغانلار بىلەن بۆلۈپ يەڭلار. بۈگۈن خۇدايىمىز ئۈچۈن مۇقەددەس كۈندۇر، قايغۇرماڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگاردىن كەلگەن شاد-خۇراملىقىمىز بىزنىڭ كۈچ-قۇدرىتىمىزدۇر! _ دېدى. لاۋىيلار جامائەتنى تىنچلاندۇرۇپ: _ بۈگۈن مۇقەددەس كۈندۇر! قايغۇرۇشنى توختىتىڭلار! _ دېدى. جامائەت ئوقۇلغان مەزمۇننى چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆيلىرىگە قايتىپ، شاد-خۇراملىق ئىچىدە زىياپەت داستىخىنىدىن غىزالاندى ۋە ئۆزىدە بارىغا باشقىلار بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇشتى. ئەتىسى ھەر قايسى جەمەتلەرنىڭ باشلىقلىرى تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىملىرىنى ئوبدانراق بىلىۋېلىش ئۈچۈن روھانىيلار ۋە لاۋىيلار بىلەن بىللە تەۋرات ئۇستازى ئەزرانىڭ يېنىغا باردى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرگەن قانۇنىدىن، كۈزدىكى كەپە تىكىش ھېيتى مەزگىلىدە ئىسرائىللارنىڭ كەپىلەردە تۇرۇشى بۇيرۇلغانلىقىنى بايقىدى. ئۇلار قانۇندا يېزىلغان: «ئېدىرلىقلارغا بېرىپ، زەيتۇن، ياۋا زەيتۇن، چاتقال، پالما ۋە باشقا مول يوپۇرماقلىق دەرەخلەرنىڭ شاخلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، كەپە ياساڭلار» دېگەن بۇيرۇقنى جاكارلىشى ۋە ئۇنى ئۆز يۇرتلىرى ھەم يېرۇسالېمدا تارقىتىشى كېرەك ئىدى. شۇنىڭ بىلەن جامائەت دەرەخ شاخلىرىنى كېسىپ كېلىپ، ئۆگزىلىرىگە، ھويلىلىرىغا، ئىبادەتخانا ھويلىسىغا ۋە سۇ دەرۋازىسى ھەم ئەفرايىم دەرۋازىسى ئىچىدىكى مەيدانلارغا كەپە ياسىدى. سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى كەپىلەرنى ياساپ، ئۇلاردا تۇردى. ئىسرائىللار بۇ ھېيتنى نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋانىڭ زامانىدىن تارتىپ مۇنداق تەبرىكلەپ باقمىغانىدى. ھەممە ئادەم شاد-خۇراملىققا چۆمگەنىدى. ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن ئەڭ ئاخىرقى كۈنىگىچە، ئەزرا ھەر كۈنى خۇدانىڭ قانۇنىدىن بىر پارچە ئوقۇپ تۇردى ۋە يەتتە كۈن ھېيت قىلىپ، سەككىزىنچى كۈنى بېكىتىلگەن تۈزۈم بويىچە يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. بۇ ئاينىڭ 24-كۈنى ئىسرائىللار بىر يەرگە جەم بولۇپ، روزا تۇتتى. ئۇلاركاناپ رەختكە يۆگىنىپ، بېشىغا توپا چېچىپ، قايغۇلىرىنى ئىپادىلەشتى. ئۇلار ئاللىبۇرۇن يات خەلقلەردىن ئايرىلىپ كەتكەنىدى. ئۇلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ ئۆزلىرى ۋە ئەجدادلىرى ئۆتكۈزگەن گۇناھلارغا توۋا قىلىشتى. ئۇلار ئۈچ سائەتكىچە ئۆرە تۇرۇپ، پەرۋەردىگار _ ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ تەۋرات قانۇنىنى ئاڭلىدى، ئاندىن يەنە ئۈچ سائەت گۇناھلىرىغا توۋا قىلىپ، پەرۋەردىگار خۇداغا سەجدە قىلدى. لاۋىيلاردىن يېشۇۋا، بانى، قادمىئېل، شىبانيا، بۇننى، شېرېبىيا، بانى ۋە كىنانىلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ياسالغان پەلەمپەيدە تۇرۇپ پەرۋەردىگار خۇداغا ئۈنلۈك ئاۋازدا دۇئا قىلدى. لاۋىيلاردىن يېشۇۋا، قادمىئېل، بانى، خاشابنىيا، شېرېبىيا، ھودىيا، شىبانيا ۋە پىتاخيالار خەلققە مۇنداق چاقىرىق قىلدى: «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى مەدھىيەلەڭلار، ئۇ ئەبەدىلئەبەدتۇر!» ئاندىن ئۇلار مۇنداق دۇئا قىلدى: «ئى خۇدا، شانلىق نامىڭ مەدھىيىلەنگەي! نامىڭ پۈتكۈل ھەمدۇسانا ۋە مەدھىيەلەردىن يۈكسەكتۇر! سەن بىردىنبىر پەرۋەردىگاردۇرسەن! سەن ئاسمان، ھەتتا ئەرشئەلا بىلەن پۈتۈن يۇلتۇزلارنى ۋە يەر-زېمىن بىلەن ئۇنىڭدىكى بارلىقىنى ۋە دېڭىز-ئوكيانلار بىلەن ئۇنىڭدىكى جىمىسىنى ياراتتىڭ. سەن پۈتكۈل مەۋجۇداتلارغا جان بەرگۇچىدۇرسەن. ئەرشئەلادىكى پەرىشتىلەر ساڭا سەجدە قىلىدۇ. سەن پەرۋەردىگار، ئىبرامنى تاللىغان خۇدادۇرسەن، سەن ئۇنى كالدانلارنىڭ ئۇر شەھىرىدىن ئېلىپ چىقىپ، ئىسمىنى ئىبراھىمغا ئۆزگەرتتىڭ. ئۇ ئۆزىنىڭ سادىقلىقىنى كۆرسەتكەندە، سەن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا كەنئانلار، خىتلار، ئامورلار، پەرىززىلەر، يىبۇسلار ۋە گىرگاشلارنىڭ زېمىنلىرىنى بېرىشكە ئۇنىڭ بىلەن ئەھدە تۈزدۈڭ. سەن ھەققانىي بولغانلىقىڭ ئۈچۈن ۋەدەڭدە تۇردۇڭ. سەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ مىسىردا خارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈڭ، ئۇلارنىڭ قىزىل دېڭىزدىكى نالە-پەريادلىرىنى ئاڭلىدىڭ. سەن مىسىر پادىشاھى، ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە قارشى مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسەتتىڭ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆز خەلقىڭنى خارلىغىنىنى بىلىپ يەتتىڭ. سەن مەڭگۈ ئۇنتۇلماس نام-شۆھرەت قازاندىڭ. سەن دېڭىزنى يېرىپ خەلقىڭگە يول ئېچىپ بەردىڭ. ئۇلار قۇرۇق يول بىلەن دەريادىن ئۆتتى. ئۇلارنى قوغلاپ كەلگەنلەرنى، گويا قەھرلىك دېڭىزغا چۆككەن تاشتەك، چوڭقۇر سۇغا غەرق قىلدىڭ. كۈندۈزى ئۇلارغا بۇلۇت تۆۋرۈكى ئارقىلىق يول باشلىدىڭ، كېچىسى يولىنى ئوت تۈۋرۈكى ئارقىلىق يورۇتتۇڭ. سەن سىناي تېغىغا چۈشۈپ، ئەرشتىن خەلقىڭگە سۆز قىلىپ، ئۇلارغا ئادىل تۈزۈملەر، ھەق قانۇنلار ۋە لىللا ئەمر-پەرمانلارنى چۈشۈرۈپ بەردىڭ. سەن ئۇلارغا ئۆزۈڭگە بېغىشلانغان دەم ئېلىش كۈنىنى بىلدۈردۈڭ ھەمدە خىزمەتكارىڭ مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرگەن قانۇن ۋە ئەمر-پەرمانلىرىڭنى بەردىڭ. ئۇلارنىڭ قارنى ئاچقاندا، ئاسماندىن يېمەكلىك چۈشۈرۈپ بەردىڭ، ئۇسسىغاندا قورام تاشتىن سۇ چىقىرىپ بەردىڭ. سەن ئۇلارغا ئۆزۈڭ ۋەدە قىلغان زېمىنغا بېرىپ، ئۇنىڭغا ئىگىدارچىلىق قىلىشنى بۇيرۇدۇڭ. لېكىن ئەجدادلىرىمىز تەكەببۇرلۇق ۋە بوينى قاتتىقلىق قىلىپ، ئەمرلىرىڭگە ئىتائەت قىلمىدى. ئۇلار ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىڭنى ئۇنتۇدى. ئۇلار بوينى قاتتىقلىق قىلىپ، مىسىردىكى قۇللۇقىغا قايتىشقا بىر باشلىق تەيىنلىۋالدى. لېكىن سەن شەپقەتلىك، رەھىمدىل ھەم مېھرىبان، ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيدىغان ۋە مېھىر-مۇھەببىتىڭ چەكسىز خۇدادۇرسەن. شۇڭلاشقا سەن ئۇلارنى تاشلىۋەتمىدىڭ. ھەتتا ئۇلار موزاي سۈرىتىدە بۇت ياساپ، ‹بۇ بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ئىلاھ› دەپ، ساڭا ئېغىر ھاقارەت كەلتۈردى. لېكىن سەن رەھىمدىللىكىڭ بىلەن ئۇلارنى چۆلدە تاشلىۋەتمەي، كۈندۇزى يول باشلىغان بۇلۇت تۆۋرۈكىنى ۋە كېچىسى يول كۆرسەتكەن ئوت تۆۋرۈكىنى ئۇلاردىن ئايرىمىدىڭ. سەن ئۇلارغا تەلىم بېرىشكە پاك نىيەت روھىڭنى ئاتا قىلدىڭ. ئۇلارنىڭ قورسىقىدىن ماننانى ئايىمىدىڭ ۋە ئۇسسۇزلۇقىغا سۇ بەردىڭ. سەن قىرىق يىل ئۇلارنىڭ چۆل-باياۋاندىكى پۈتۈن ئېھتىياجىنى قاندۇردۇڭ، ئۇلار كەم-كۈتىسىز بولدى، كىيىم-كېچەكلىرى ئۇپرىمىدى ۋە پۇتلىرىمۇ ئىششىمىدى. سەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ پادىشاھلىقلارنى ۋە خەلقلەرنى يىمىرىشىگە ياردەمدە بولۇپ، خەلقىڭنى ئۇ زېمىننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇردۇڭ. ئۇلار سىخون پادىشاھنىڭ خەشبون شەھىرى ۋە ئەتراپىدىكى زېمىنىنى ۋە ئوگ پادىشاھنىڭ زېمىنى باشاننى ئىشغال قىلدى. سەن ئۇلارغا ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ ئەۋلاد بېرىپ، ئۇلارنى ئەجدادلىرىغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا باشلاپ كەلدىڭ. ئۇلار بېسىپ كىرىپ ئۇ زېمىننى ئىشغال قىلدى. سەن ئۇلارغا كەنئان زېمىننىڭ ئاھالىسىنى بويسۇندۇرۇپ بەردىڭ. سەن ئۇ زېمىننىڭ پادىشاھلىرى ۋە خەلقىنى ئۇلارنىڭ مەيلىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەردىڭ. خەلقىڭ سېپىللىرى مۇستەھكەم شەھەرلەرنى ۋە مۇنبەت يەرلەرنى تارتىۋالدى. ئۇلار مال-دۇنيا بىلەن تولغان ئۆيلەرگە، قېزىپ قويۇلغان قۇدۇقلارغا، ئۈزۈمزارلىقلارغا، زەيتۇنلۇقلارغا ۋە مول مېۋە دەرەخلىرىگە ئىگە بولدى. ئۇلار قانغۇچە يەپ-ئىچىپ، سەمرىۋالدى ۋە ئاتا قىلغان پۈتكۈل نېمەتلىرىڭدىن بەھرىمەن بولۇۋالدى. لېكىن، خەلقىڭ سەندىن يۈز ئۆرۈپ ساڭا ئىتائەت قىلماي، قانۇنۇڭنى تاشلاپ قويدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى ساڭا قايتىدىن يېقىنلىشىشقا دەۋەت قىلغان پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرۈپ، ساڭا ئېغىر ھاقارەت كەلتۈردى. شۇڭا سەن ئۇلارنى زۇلۇم سالىدىغان دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردىڭ. ئۇلار ئازاب چېكىپ ساڭا يېلىنغاندا، سەن ئەرشتىن ئۇلارنىڭ يېلىنىشلىرىغا قۇلاق سالدىڭ. سەن يۈكسەك رەھىمدىللىكىڭدە ئۇلارنى رەقىبلىرىدىن قۇتقۇزىدىغان كىشىلەرنى ئەۋەتتىڭ. ئۇلار ئارام تاپقاندىن كېيىن، كۆز ئالدىڭدا يەنە يامان ئىش قىلدى. سەن ئۇلارنى يەنە رەقىبلىرىنىڭ قولىغا تۇتۇپ بەردىڭ. لېكىن ئۇلار يەنە ساڭا يېلىنغاندا، سەن ئەرشتىن ئۇلارنىڭ يېلىنىشلىرىغا قۇلاق سېلىپ، رەھىمدىللىكىڭدە ئۇلارنى كۆپ قېتىم قۇتۇلدۇردۇڭ. سەن ئۇلارنى قايتىدىن قانۇنۇڭغا باش ئېگىشكە دەۋەت قىلدىڭ. لېكىن ئۇلار تەكەببۇرلىشىپ، ئەمرلىرىڭگە قۇلاق سالمىدى. ئۇلار نىزاملىرىڭغا رىئايە قىلمىدى. ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسا ئىدى، ھايات يولىنى تاپقان بولاتتى. ئۇلار ساڭا تەرسالىق بىلەن بوينى قاتتىقلىق قىلىپ، ئىتائەت قىلىشنى رەت قىلدى. سەن ئۇلارغا ئۇزۇن يىللار سەۋر-تاقەتلىك قىلدىڭ ھەمدە روھىڭ ئارقىلىق پەيغەمبەرلىرىڭدىن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇردۇڭ. بىراق ئۇلار قۇلاق سالمىدى. شۇڭا سەن ئۇلارنى يەرلىك خەلقلەرنىڭ قولىغا تۇتۇپ بەردىڭ. بىراق سەن يۈكسەك رەھىمدىللىكىڭدە ئۇلارنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلمىدىڭ ۋە تاشلىۋەتمىدىڭ. چۈنكى سەن مېھرىبان ۋە رەھىمدىل خۇدادۇرسەن! ئۇلۇغ، قۇدرەتلىك ۋە سۈرلۈك ھەم مەڭگۈ مېھىر-مۇھەببەتلىك ئەھدىسىدە تۇرىدىغان خۇدايىمىز، ئاسسۇر پادىشاھلىرى بىزگە زۇلۇم سالغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، پادىشاھلىرىمىز، ئەمەلدارلىرىمىز، روھانىيلىرىمىز، پەيغەمبەرلىرىمىز، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ۋە پۈتۈن خەلقىڭ دۇچ كەلگەن ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە سەل قارىمىغايسەن. سېنىڭ بىزنى جازالىغىنىڭ ھەقلىقتۇر. سەن ۋاپادار بولدۇڭ، لېكىن بىز بولساق رەزىللىك قىلدۇق. پادىشاھلىرىمىز، ئەمەلدارلىرىمىز، روھانىيلىرىمىز ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىز قانۇنۇڭغا بويسۇنمىدى، ئەمر ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىڭغا قۇلاق سالمىدى. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۆز پادىشاھلىقى بولۇپ، سەن ئۇلارغا بېغىشلىغان بىپايان مۇنبەت تۇپراقتىكى نېمەتلىرىڭدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقاندا، رەزىللىكلىرىدىن قايتماي، سېنىڭ يولۇڭدا ماڭمىدى. ئەمدى بىز قۇل بولۇپ قالدۇق. بىز ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ مېۋە-چېۋە ۋە نېمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن سەن ئۇلارغا ئاتا قىلغان زېمىندا قۇل بولدۇق. بۇ تۇپراقنىڭ مول مەھسۇلاتلىرى گۇناھىمىز ۋەجىدىن سەن ئۈستىمىزدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا قويغان پادىشاھلارغا مەنسۇپ بولدى. ئۇلار بىز ۋە مال-ۋارانلىرىمىزنى خالىغىنىچە باشقۇرۇۋاتىدۇ. بىز جەبىر-زۇلۇم ئىچىدە قالدۇق!» مانا شۇ ئىشلار ۋەجىدىن بىز ۋەدىنامە يازدۇق. ئەمەلدارلىرىمىز، لاۋىيلار ۋە روھانىيلىرىمىز ئۆز مۆھۈرلىرىنى باستى. مەزكۇر ۋەدىنامىگە مۆھۈرلىرىنى باسقانلار: خاكاليانىڭ ئوغلى يەھۇدىيەنىڭ باشلىقى نەخەمىيا ۋە زىدقىيا. روھانىيلاردىن: سىرايا، ئازاريا، يەرەمىيا، پاشخۇر، ئاماريا، مالكىيا، خاتتۇش، شىبانيا، ماللۇك، خارىم، مىرېموت، ئوبادىيا، دانىيال، گىننىتون، بارۇك، مىشۇللام، ئابىيا، مىيامىن، مائازيا، بىلگاي ۋە شىمايالار. لاۋىيلاردىن: ئازانيانىڭ ئوغلى يېشۇۋا، خېنادادنىڭ ئوغلى بىننۇي، قادمىئېل ھەمدە ئۇلارنىڭ خىزمەتداشلىرىدىن شىبانيا، ھودىيا، قىلىتا، پىلايا، خانان، مىكا، رىخوب، خاشابيا، زاككۇر، شېرېبىيا، شىبانيا، ھودىيا، بانى ۋە بىنىنۇلار. ئەمەلدارلاردىن: پارئوش، پاخات-موئاب، ئېلام، زاتتۇ، بانى، بۇننى، ئازگاد، بېباي، ئادونىيا، بىگۋاي، ئادىن، ئاتېر، خىزكىيا، ئاززۇر، ھودىيا، خاشۇم، بېساي، خارىف، ئاناتوت، نېباي، ماگپىئاش، مىشۇللام، خېزىر، مىشېزابئېل، زادوق، ياددۇئا، پىلاتيا، خانان، ئانايا، ھوشىيا، ھانانيا، خاششۇب، ھاللوھېش، پىلخا، شوبېق، رىخۇم، خاشابنا، مائاسېيا، ئاخىيا، خانان، ئانان، ماللۇك، خارىم ۋە بائانالار. قالغان خەلقلەردىن، روھانىيلار، لاۋىيلار، ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى، مۇناجاتچىلىرى، خىزمەتكارلىرى ھەم خۇدانىڭ قانۇنىغا بويسۇنۇش يولىدا بۇ زېمىننىڭ يات خەلقلىرىدىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئالغانلار، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ۋە بارلىق ئەقىل يېشىغا يەتكەن قىز-ئوغۇللىرى ئۆزلىرىنىڭ يۇرت باشلىرى بىلەن بىللە خۇدا ئالدىدا قەسەم قىلدى. ئەگەر ئۇلار خۇدانىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىغا خىلاپلىق قىلسا، خۇدانىڭ قارغىشىغا كېتىدۇ. ئۇلار ئىگىمىز پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمرلىرىگە ۋە قائىدە-نىزاملىرىغا ئەمەل قىلىمىز، دەپ قەسەم بېرىشتى: «بىز بۇ زېمىندىكى يات خەلقلەر بىلەن نىكاھلانمايمىز. ئەگەر بۇ زېمىندىكى يات خەلقلەر دەم ئېلىش كۈنى ياكى باشقا مۇقەددەس كۈنلەردە ئوزۇق-تۈلۈك سېتىپ سودا-سېتىق قىلسا، بىز ئۇلاردىن قەتئىي سېتىۋالمايمىز. بىز ھەر يەتتىنچى يىلى يەرنى دەم ئالدۇرىمىز ۋە قەرزلەرنى بىكار قىلىمىز. بىز ئىبادەتخانىنىڭ خىراجىتى ئۈچۈن ھەر يىلى تۆت گرامدىن كۈمۈش بېرىش مەسئۇلىيىتىمىزنى ئۈستىمىزگە ئالىمىز. بۇ خىراجەت خۇداغا ئاتالغان نانلار، كۈندىلىك ئاشلىق ھەدىيەلىرى ھەم كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، دەم ئېلىش كۈنى، ھىلال ئاي ھەم بەلگىلىگەن ھېيتلاردا قىلىنىدىغان ھەدىيەلەر، خۇداغا ئاتالغان قۇربانلىقلار، ئىسرائىللارنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن كەچۈرۈلۈش قۇربانلىقلىرى ۋە ئىبادەتخانا خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بىز روھانىيلار، لاۋىيلار ۋە باشقا بارلىق خەلق تەۋرات قانۇنىغا بىنائەن پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ قۇربانلىق سۇپىسىدا قالىنىدىغان ئوتۇنلارنى ھەر يىلى قايسى جەمەتنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كېلىشىنى چەك تاشلاش ئارقىلىق بەلگىلەيمىز. بىز ھەر يىلى تۇنجى پىشقان ئاشلىق بىلەن مېۋىلىرىمىزنى ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كېلىشنى ئۈستىمىزگە ئالىمىز. تەۋرات قانۇنىغا بىنائەن بىز تۇنجى ئوغلىمىز ۋە مال-ۋارانلىرىمىزنى خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولۇۋاتقان ئىبادەتخانىدىكى روھانىيلارغا ئېلىپ كېلىمىز. بىز ھەر يىلى ئەڭ ياخشى ئۇن ھەم باشقا ھەدىيەلەر، ھەر خىل مېۋىلەر، شارابلار ۋە زەيتۇن ياغلىرىنى ئىبادەتخانىنىڭ ئامبارلىرىدا ساقلاش ئۈچۈن روھانىيلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارىمىز. بىز يېرىمىزدىن چىققان مەھسۇلاتلارنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى لاۋىيلارغا تاپشۇرىمىز. لاۋىيلار بۇنى ھەممە يېزىلىرىمىزدىن يىغىدۇ. لاۋىيلار بۇنى يىغقاندا، تۇنجى باش روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىر روھانىي ئۇلار بىلەن بىللە بولۇپ، يىغقانلارنى ئىبادەتخانا ئامبارلىرىغا ئېلىپ بارىدۇ. ئىسرائىللار ۋە لاۋىيلار ھەدىيە قىلغان ئاشلىق، شاراب ۋە زەيتۇن يېغىنى ئىبادەتخانىنىڭ سايمانلىرى ساقلىنىدىغان ۋە نۆۋەتچى روھانىيلار، ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى ھەم مۇناجاتچىلىرى تۇرىدىغان ئىبادەتخانا ئۆيلىرىگە ئېلىپ بارىدۇ. بىز نەزىرىمىزنى ئىبادەتخانىدىن نېرى قىلمايمىز.» خەلق يېتەكچىلىرى مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلاشتى، قالغانلار ھەر ئون ئائىلىدىن بىرى يېرۇسالېمدا تۇرۇشقا چەك تاشلاشتى. چەك چىقمىغانلىرى ئۆز يۇرتلىرىدا قېپقېلىشتى. خەلق يېرۇسالېمدا تۇرۇشقا رازى بولغانلارغا بەخت-سائادەت تىلىدى. بۇ يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلاشقان يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ باشلىقلىرىنىڭ ئىسىملىكى: (قالغان خەلقلەر، روھانىيلار، لاۋىيلار، ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە سۇلايمان پادىشاھ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى يەھۇدىيەدىكى باشقا جايلار _ ئۆز ماكانلىرىغا ئولتۇراقلاشتى. يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىسىدىن بەزىلەر يېرۇسالېمغا ئولتۇراقلاشتى.) يەھۇدا قەبىلە باشلىقلىرىدىن: ئاتايا ئۇززىيانىڭ ئوغلى، ئۇززىيا زىكىرىيانىڭ ئوغلى، زىكىرىيا ئاماريانىڭ ئوغلى، ئاماريا شىفاتيانىڭ ئوغلى، شىفاتيا ماھالالئېلنىڭ ئوغلى، ماھالالئېل پارەزنىڭ ئەۋلادى ئىدى. مائاسېيا بارۇكنىڭ ئوغلى، بارۇك كولخوزەنىڭ ئوغلى، كولخوزە خازايانىڭ ئوغلى، خازايا ئادايانىڭ ئوغلى، ئادايا يويارىبنىڭ ئوغلى، يويارىب زىكىرىيانىڭ ئوغلى، زىكىرىيا شېلاھنىڭ ئەۋلادى ئىدى. پارەزنىڭ يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلاشقان ئەۋلادلىرىدىن جەمئىي 468 پالۋان بار ئىدى. بېنيامىن قەبىلىسىدىن: ساللۇ مىشۇللامنىڭ ئوغلى، مىشۇللام يوئېدنىڭ ئوغلى، يوئېد پىدايانىڭ ئوغلى، پىدايا قولايانىڭ ئوغلى، قولايا مائاسېيانىڭ ئوغلى، مائاسېيا ئىتىئېلنىڭ ئوغلى، ئىتىئېل يىشايانىڭ ئەۋلادى ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا گابباي ۋە ساللاي بولۇپ، جەمئىي 928 كىشى بار ئىدى. زىكرىنىڭ ئوغلى يوئېل ئۇلارنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئىدى. ھاسسىنۇئانىڭ ئوغلى يەھۇدا بولسا بۇ شەھەرنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىدى. روھانىيلاردىن: يويارىبنىڭ ئوغلى يىدايا، ياكىن ۋە سىرايا، سىرايا خىلقىيانىڭ ئوغلى، خىلقىيا مىشۇللامنىڭ ئوغلى، مىشۇللام زادوقنىڭ ئوغلى، زادوق مىرايوتنىڭ ئوغلى، مىرايوت ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئىدى، ئاخىتۇب بولسا ئىبادەتخانىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولغانىدى. ئۇلارنىڭ ئىبادەتخانىدا خىزمەت قىلىدىغان خىزمەتداش روھانىيلىرىدىن جەمئىي 822 كىشى بار ئىدى. ئادايا يىروخامنىڭ ئوغلى، يىروخام پىلاليانىڭ ئوغلى، پىلاليا ئامزىنىڭ ئوغلى، ئامزى زىكىرىيانىڭ ئوغلى، زىكىرىيا پاشخۇرنىڭ ئوغلى، پاشخۇر مالكىيانىڭ ئوغلى ئىدى. ئادايانىڭ خىزمەتداشلىرىدىن جەمئىي 242 جەمەت باشلىقى بار ئىدى. ئاماشساي ئازارئېلنىڭ ئوغلى، ئازارئېل ئاخزاينىڭ ئوغلى، ئاخزاي مىشىللېموتنىڭ ئوغلى، مىشىللېموت ئىممېرنىڭ ئوغلى ئىدى. ئاماشساينىڭ خىزمەتداشلىرىدىن 128 پالۋان بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ باشقۇرغۇچىسى ھاگىدولىمنىڭ ئوغلى زابدىئېل ئىدى. لاۋىيلاردىن: شىمايا خاششۇبنىڭ ئوغلى، خاششۇب ئازرىقامنىڭ ئوغلى، ئازرىقام خاشابيانىڭ ئوغلى، خاشابيا بۇننىنىڭ ئوغلى ئىدى. لاۋىيلار يېتەكچىلىرىدىن شاببىتاي ۋە يوزاباد ئىبادەتخانىنىڭ تاشقى ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىدى. ماتتانيا مىكانىڭ ئوغلى، مىكا زابدىنىڭ ئوغلى، زابدى بولسا ئاسافنىڭ ئەۋلادى ئىدى. ئۇ ئىبادەتخانىدا تەشەككۈر ئېيتىش ۋە دۇئا قىلىشقا يىتەكچىلىك قىلاتتى. باقبۇقيا ماتتانيانىڭ ياردەمچىسى ئىدى. ئابدا شاممۇۋانىڭ ئوغلى، شاممۇۋا گالالنىڭ ئوغلى، گالال يىدۇتۇننىڭ ئوغلى ئىدى. مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېمغا ئولتۇراقلاشقان لاۋىيلار جەمئىي 284 كىشى ئىدى. ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرىدىن: ئاققۇب، تالمون ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتداشلىرى بولۇپ، جەمئىي 172 كىشى ئىدى. قالغان ئىسرائىللار، روھانىيلار ۋە لاۋىيلار يەھۇدىيەنىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۆزى ۋارىسلىق قىلىدىغان ماكانلارغا ئولتۇراقلاشتى. لېكىن ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى يېرۇسالېمدىكى ئوفەل ئېگىزلىكىگە ئولتۇراقلاشتى. ئۇلار زىخا بىلەن گىشپانىڭ قول ئاستىدا ئىشلەيتتى. ئۇززى يېرۇسالېمغا ئولتۇراقلاشقان لاۋىيلارنىڭ باشلىقى بولۇپ، ئۇ بانىنىڭ ئوغلى، بانى خاشابيانىڭ ئوغلى، خاشابيا ماتتانيانىڭ ئوغلى، ماتتانيا مىكانىڭ ئوغلى، مىكا بولسا ئاسافنىڭ ئەۋلادىدىن ئىدى. ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرى ئىبادەتخانىنىڭ مۇناجاتچىلىرىغا مەسئۇل ئىدى. بۇ مۇناجاتچىلار پادىشاھنىڭ بۇيرۇقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە كۈندىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيتتى. زەراخنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىرى بولغان پىتاخيا مىشېزابئېلنىڭ ئوغلى بولۇپ، يەھۇدا قەبىلىسىگە مەنسۇپ ئىدى. ئۇ پېرسىيە پادىشاھىنىڭ خەلق ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئىدى. يەھۇدىيەنىڭ يېزىلىرى بىلەن ئەتراپىدىكى تېرىلغۇ جايلىرىغا كەلسەك، يەھۇدا قەبىلىسىدىكى بەزىلەر قىريات-ئاربا، دىبون ۋە يىقابزىئېل ھەم ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارغا ئولتۇراقلاشتى. بەزىلىرى يېشۇۋا، مولادا، بەيت-پەلەت، خازار-شۇئال ۋە بەئەرشەبا ھەم ئۇنىڭ يېزىلىرىغا، زىقلاق ۋە مىكونا ھەم مىكونانىڭ يېزىلىرىغا، ئېنرىممون، زورئاھ ھەم يارمۇت، زانوۋاخ ۋە ئادۇللام ھەم ئۇلارنىڭ يېزىلىرىغا، لاكىش ھەم ئۇنىڭ تېرىلغۇ جايلىرىغا ۋە ئازېقا ھەم ئۇنىڭ يېزىلىرىغا ئولتۇراقلاشتى. دېمەك، يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر بەئەرشەبادىن ھىننوم جىلغىسىغىچە بولغان جايلارغا ئولتۇراقلاشتى. بېنيامىن قەبىلىسىدىكىلەر گەبا، مىكماس، ئايياھ ۋە بەيتەل ھەم ئۇنىڭ يېزىلىرىغا، ئاناتوت، نوب، ئانانيا، خازور، راماھ، گىتتايىم، خادىد، زىبوئىم، نىباللات، لود، ئونو ۋە ھۈنەرۋەنلەر جىلغىسىغا ئولتۇراقلاشتى. يەھۇدىيەدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان بەزى لاۋىيلارنىڭ بېنيامىن قەبىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە تۇرۇشى بەلگىلەندى. شىئالتېلنىڭ ئوغلى زىرۇببابەل ۋە باش روھانىي يېشۇۋا بىلەن بىللە سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنىڭ تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە: روھانىيلاردىن: سىرايا، يەرەمىيا، ئەزرا، ئاماريا، ماللۇك، خاتتۇش، شىكانيا، رىخۇم، مىرېموت، ئىددو، گىننېتوي، ئابىيا، مىيامىن، مائاديا، بىلگاھ، شىمايا، يويارىب، يىدايا، ساللۇ، ئاموق، خىلقىيا ۋە يىدايالار ئىدى. مانا بۇلار يېشۇۋا دەۋرىدىكى روھانىيلارنىڭ باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتداشلىرى ئىدى. لاۋىيلاردىن: يېشۇۋا، بىننۇي، قادمىئېل، شېرېبىيا، يەھۇدا ۋە ماتتانيالار ئىدى. ماتتانيا خىزمەتداشلىرى بىلەن تەشەككۈر ناخشىلىرى ئېيتىشقا مەسئۇل ئىدى. ئۇلارنىڭ خىزمەتداشلىرى باقبۇقيا ۋە ئۇننى ئىبادەتتە ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدا تۇراتتى. باش روھانىي يېشۇۋا يوياقىمنىڭ ئاتىسى، يوياقىم ئەلياشىبنىڭ ئاتىسى، ئەلياشىب يويادانىڭ ئاتىسى ئىدى. يويادا يوناتاننىڭ ئاتىسى، يوناتان ياددۇئانىڭ ئاتىسى ئىدى. يوياقىم باش روھانىيلىق ۋەزىپە ئۆتۈۋاتقان مەزگىلدە، روھانىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى تۆۋەندىكىچە بولغان: سىرايا جەمەتىدىن مىرايا يەرەمىيا جەمەتىدىن ھانانيا ئەزرا جەمەتىدىن مىشۇللام ئاماريا جەمەتىدىن يىھوخانان ماللۇكى جەمەتىدىن يوناتان شىبانيا جەمەتىدىن يۈسۈپ خارىم جەمەتىدىن ئادنا مىرايوت جەمەتىدىن خەلقاي ئىددو جەمەتىدىن زىكىرىيا گىننىتون جەمەتىدىن مىشۇللام ئابىيا جەمەتىدىن زىكرى مىنيامىن جەمەتىدىن بىر باشلىق بولغان موئاديا جەمەتىدىن پىلتاي بىلگاھ جەمەتىدىن شاممۇۋا شىمايا جەمەتىدىن يىھوناتان يويارىب جەمەتىدىن ماتتىناي يىدايا جەمەتىدىن ئۇززى ساللاي جەمەتىدىن قاللاي ئاموق جەمەتىدىن ئېبەر خىلقىيا جەمەتىدىن خاشابيا يىدايا جەمەتىدىن نىتانئېل ئەلياشىب، يويادا، يوخانان ۋە ياددۇئالار باش روھانىي بولغان مەزگىلدە لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى رويخەتكە ئېلىنغان. پېرسىيە پادىشاھى دارىئوس ھاكىمىيەت تۇتقان مەزگىلدە روھانىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى رويخەتكە ئېلىنغان. لېكىن ئىبادەتخانا تەزكىرىسىدە رويخەتكە ئېلىنغان لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرى پەقەت ئەلياشىبنىڭ نەۋرىسى يوخاناننىڭ دەۋرىگىچىلا ئىدى. لاۋىيلارنىڭ جەمەت باشلىقلىرىدىن خاشابيا، شېرېبىيا، يېشۇۋا، بىننۇي ۋە قادمىئېللار بولۇپ، ئۇلار باشقا خىزمەتداشلار بىلەن بىللە ئىبادەتلەردە خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى داۋۇت پادىشاھنىڭ يوليورۇقى بويىچە بىر-بىرىگە روبىرو تۇرۇشۇپ، مەدھىيە ئېيتىشىشلىرىنى ئېيتىشىپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرەتتى. ئىبادەتخانا دەرۋازىسىنىڭ يېنىدىكى ئامبارلارنى ساقلايدىغان دەرۋازىۋەنلەر ماتتانيا، باقبۇقيا، ئوبادىيا، مىشۇللام، تالمون ۋە ئاققۇبلار ئىدى. مانا بۇ كىشىلەر يوزاداقنىڭ نەۋرىسى يېشۇۋانىڭ ئوغلى باش روھانىي يوياقىمنىڭ مەزگىلىدە، شۇنداقلا يەھۇدىيەنىڭ باشلىقى نەخەمىيانىڭ ۋە روھانىي ھەم تەۋرات ئۇستازى ئەزرانىڭ زامانىدا ياشىغانىدى. يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ سېپىللىرى خۇداغا بېغىشلىنىدىغان چاغدا، لاۋىيلار تۇرغان جايلىرىدىن بېغىشلاش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا يېرۇسالېمغا تەكلىپ قىلىندى. ئۇلار مۇراسىمنى شاد-خۇراملىق ئىچىدە مىننەتدارلىق بىلەن جاڭ، چىلتار ۋە لىرالارنى چېلىپ، نەغمە قىلىپ، ناخشا ئېيتىشىپ تەبرىكلىدى. مۇناجاتچىلار يېرۇسالېم ئەتراپىدىكى جايلاردىن، جۈملىدىن نىتوفانىڭ يېزىلىرىدىن، بەيت-گىلگالدىن، گەبا ۋە ئازماۋەت قاتارلىق جايلاردىن كېلىپ يىغىلدى. چۈنكى مۇناجاتچىلار ئۆزلىرى ئۈچۈن يېرۇسالېم ئەتراپىدىكى يېزىلارنى قۇرۇپ چىققانىدى. روھانىيلار بىلەن لاۋىيلار ئۆزلىرىنى پاكلاپ، ئاندىن جامائەتنى پاكلىدى. كېيىن ئۇلار شەھەر دەرۋازىلىرى بىلەن سېپىللىرىنىمۇ پاكلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مەن يەھۇدىيە ئەمەلدارلىرىنى سېپىل ئۈستىگە يىغىپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە ئىككى چوڭ خور ئۆمەكنى بەلگىلىدىم. بىرى جەنۇبىي يۆنۈلۈشتىكى سېپىل ئۈستىدە قىغ دەرۋازىسىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. ھوشايا ۋە يەھۇدىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ يېرىمى مۇناجاتچىلارنىڭ كەينىدىن يۈرۈش قىلدى. يەنە ئازاريا، ئەزرا، مىشۇللام، يەھۇدا، بىنيامىن، شىمايا ۋە يەرەمىيالارمۇ ئەگىشىپ ماڭدى. ئاندىن بەزى روھانىيلار كاناي چېلىپ، ئاساف ئەۋلادىدىن زىكىرىيا بىلەن ماڭدى. زىكىرىيا يوناتاننىڭ ئوغلى، يوناتان شىمايانىڭ ئوغلى، شىمايا ماتتانيانىڭ ئوغلى، ماتتانيا مىكايانىڭ ئوغلى، مىكايا زاككۇرنىڭ ئوغلى، زاككۇر بولسا ئاساف ئەۋلادىدىن ئىدى. ئۇلارنىڭ كەينىدىن زىكىرىيانىڭ خىزمەتداشلىرى ماڭدى. ئۇلار شىمايا، ئازارئېل، مىلالاي، گىلالاي، مائاي، نىتانئېل، يەھۇدا ۋە خانانىلار بولۇپ، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى داۋۇت پادىشاھنىڭ مۇزىكا ئەسۋابلىرىغا ئوخشاش ئەسۋابلارنى چېلىپ ماڭدى. بۇ توپقا تەۋرات ئۇستازى ئەزرا يېتەكچىلىك قىلغانىدى. ئۇلار بۇلاق دەرۋازىسىغا كەلگەندە، پەلەمپەيلەردىن چىقىپ، «داۋۇت شەھىرى»نىڭ ئەتراپىدىكى سېپىلنىڭ ئەڭ ئۈستىگە يېتىپ كەلدى. ئاندىن ئۇلار داۋۇت پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىن ئۆتۈپ، شەرقتىكى بۇلاق دەرۋازىسىغا كەلدى. ئىككىنچى خور ئۆمەك مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىش ئۈچۈن باشقا يولنى چۆرىدەپ شىمالغا يۈرۈپ كەتتى. مەن ۋە جامائەتنىڭ قالغان يېرىمى ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدۇق. ئۇلار سېپىل ئۈستىنى بويلاپ، تونۇرلار مۇنارىدىن ئۆتۈپ، كەڭ سېپىلگە يەتتى. ئاندىن ئۇلار ئەفرايىم دەرۋازىسىدىن ئۆتۈپ، كونا شەھەر دەرۋازىسىغا كەلدى. ئۇلار بېلىق دەرۋازىسى ۋە خانانئېل مۇنارىدىن ئۆتۈپ يۈز مۇنارىغا كەلدى. ئۇلار يەنە قوي دەرۋازىسىغا قاراپ داۋاملىق مېڭىپ، قاراۋۇل دەرۋازىسىدا توختىدى. مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈۋاتقان ئىككى خور ئۆمەك ئىبادەتخانىغا يېتىپ كېلىپ، ئۇ يەردىن ئورۇن ئالدى. مەنمۇ بىللە كەلگەن بىر توپ ئەمەلدارلار بىلەن ئۇ يەردىن ئورۇن ئالدىم. بىزنىڭ يېنىمىزدىن ئورۇن ئالغانلار كاناي چالغۇچى روھانىيلار بولۇپ، ئۇلار ئەلياقىم، مائاسېيا، مىنيامىن، مىكايا، ئەليوئېناي، زىكىرىيا ۋە خانانيالار ئىدى. ئۇ يەردە يەنە مائاسېيا، شىمايا، ئەلئازار، ئۇززى، يىھوخانان، مالكىيا ۋە ئېزېرلەر بار ئىدى. مۇناجاتچىلار يىزراخيانىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۈنلۈك ناخشا ئېيتتى. جامائەت ئۇ كۈنى نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى قىلدى ھەمدە شاد-خۇراملىققا چۆمدى. چۈنكى خۇدا ئۇلارغا زور خۇشاللىق ئاتا قىلغانىدى. ئاياللار ۋە بالىلارمۇ خۇشاللىققا چۆمگەنىدى. يېرۇسالېمدىكى شاد-خۇراملىق يىراق جايلارغا ئاڭلىناتتى. ئۇ كۈنى بەزى ئەرلەر ھەدىيەلەر، تۇنجى ئالغان ھوسۇل ۋە مەھسۇلاتلارنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشى ساقلىنىدىغان ئىبادەتخانا ئامبارلىرىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەندى. ئۇلار روھانىيلار ۋە لاۋىيلار ئۈچۈن تەۋرات قانۇنىدا بەلگىلەنگەن بويىچە شەھەر سىرتىدىكى ئېتىزلاردىن ئۈلۈشنى يىغىۋېلىشقا مەسئۇل بولدى. يەھۇدىيەدىكى بارلىق خەلق روھانىيلار ۋە لاۋىيلار ھەم ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن خۇرسەن بولدى. چۈنكى ئۇلار پاكلاش مۇراسىمىدا خۇدانىڭ خىزمىتىنى ئۆتەپ كەلگەنىدى. مۇناجاتچىلار ۋە دەرۋازىۋەنلەرمۇ داۋۇت پادىشاھ ئوغلى سۇلايمانغا بۇيرۇغىنىدەك ئۆز خىزمەتلىرىنى قىلىشتى. بۇرۇن ئاساف ياشىغان داۋۇت پادىشاھ زامانىسىدا ئىبادەتخانا مۇناجاتچىلىرىنىڭ يېتەكچىلىرى بولۇش ھەمدە مەدھىيە ناخشىلىرى ۋە خۇداغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ناخشىلىرىنىڭ بولۇشى ئادەت بولغانىدى. ئەمدى بولسا، زىرۇببابەل ۋە نەخەمىيا زامانىسىدا بارلىق ئىسرائىللار مۇناجاتچىلارغا، دەرۋازىۋەنلەرگە ۋە باشقا لاۋىيلارغا كۈندىلىك ئوزۇقلۇقنى تەمىنلەپ بەردى. لاۋىيلار بولسا روھانىيلارغا تاپقىنىنىڭ ئۈلۈشىنى بەردى. ئۇ كۈندە مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋراتتىكى يازمىلار جامائەتكە ئوقۇلدى. ئۇنىڭدا: «ئاممونلار ۋە موئابلارنىڭ ئىبادەتكە قاتنىشىشىغا قەتئىي رۇخسەت يوق» دېيىلگەن بۆلەك بايقالدى. چۈنكى بۇرۇن ئۇلار ئىسرائىللار مىسىردىن چىققان ۋاقىتتا ئۇلارنى ئوزۇق-تۈلۈك ۋە سۇ بىلەن تەمىنلىمەي، ئەكسىچە ئىسرائىللارغا لەنەت ئوقۇش ئۈچۈن بىلئامنى ياللىغانىدى، ئەمما خۇدايىمىز بۇ لەنەتنى بەختكە ئايلاندۇرغانىدى. جامائەت تەۋرات قانۇنىنى ئاڭلىغان ھامان، ئارىلاشما ئىرقلارنى جامائەت ئارىسىدىن چىقىرىۋەتتى. بۇنىڭدىن بۇرۇن روھانىي ئەلياشىب ئىبادەتخانىنىڭ ئامبارلىرىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەنگەنىدى. ئۇنىڭ ئاممونلاردىن بولغان توبىيا بىلەن تۇغقانچىلىقى بار ئىدى. ئۇ بۇرۇن ئاشلىق ھەدىيەلىرى، خۇشبۇي بۇيۇملار، ئىبادەتخانا سايمانلىرى ۋە ئاشلىق، شاراب ھەم زەيتۇن يېغىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشى قويۇلغان بىر ئېغىز يوغان ئۆينى توبىياغا تەييارلاپ بەرگەنىدى. بۇ نەرسىلەر ئەمر بويىچە مۇناجاتچىلار، دەرۋازىۋەنلەر ۋە باشقا لاۋىيلارغا بېرىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزى ئۈلۈشلىرى روھانىيلارغا بېرىلەتتى. بۇ ئىشلار يۈز بەرگەندە، مەن يېرۇسالېمدا ئەمەس ئىدىم. بابىل پادىشاھى ئارتاخشاستىنىڭ 32-يىلى مەن پادىشاھنىڭ يېنىغا باردىم. كېيىن مەن قايتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ رۇخسىتىنى سورىدىم. مەن يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلگەندە، ئەلياشىبنىڭ توبىياغا ئىبادەتخانا ھويلىسىدىن بىر ئېغىز ئۆينى ئاجرىتىپ بەرگەن رەزىللىكىنى بايقىدىم. مەن بەك ئاچچىقلىنىپ، توبىيانىڭ بارلىق بىساتىنى ئۇ ئۆيدىن ئاچىقىپ تاشلىدىم. مەن روھانىيلارغا بۇ ئۆيلەرنى مۇراسىم بويىچە پاكلاشنى ھەمدە ئىبادەتخانا سايمانلىرى، سۇنۇلغان ئاشلىق ھەدىيەلىرى ۋە خۇشبۇي بۇيۇملارنى ئۇ ئۆيگە قايتۇرۇپ ئەكىرىشنى بۇيرۇدۇم. مەن يەنە لاۋىيلارنىڭ كۈندىلىك تەمىنات ئوزۇقلۇقىنى بەرمىگەنلىكىنى بايقىدىم. شۇڭا خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولىدىغان مۇناجاتچىلار بىلەن باشقا لاۋىيلار ئېتىزلىرىغا ئىشلەشكە كەتكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئەمەلدارلارنى ئەيىبلەپ: _ نېمە ئۈچۈن ئىبادەتخانا خىزمىتى نەزىرىڭلاردىن تاشلىنىپ قالدى؟ _ دېدىم. مەن يەنە مۇناجاتچىلار ۋە باشقا لاۋىيلارنى چاقىرىپ، ئۆزىگە تېگىشلىك خىزمەتلىرىنى قايتىدىن قىلدۇردۇم. يەھۇدىيەدىكى بارلىق خەلق يەنە بىر قېتىم ئاشلىق، شاراب ھەم زەيتۇن يېغىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئىبادەتخانا ئامبارلىرىغا ئېلىپ كېلىشكە باشلىدى. مەن روھانىي شەلەميا، پۈتۈكچى زادوق ۋە لاۋىيلاردىن بولغان پىدايانى ئامبارلارغا مەسئۇل قىلدىم. مەن يەنە ماتتانيانىڭ نەۋرىسى ھەم زاككۇرنىڭ ئوغلى خاناننى ئۇلارغا ياردەمچى قىلدىم. بۇلار ئىشەنچلىك ئادەملەر بولۇپ، خىزمەتداشلىرى لاۋىيلارغا ئادىللىق بىلەن تەقسىم قىلىشقا مەسئۇل ئىدى. ئى خۇدا، بۇ ياخشى ئىشنى سەمىڭدە تۇتقايسەن ھەمدە ساداقەتمەنلىك بىلەن ئىبادەتخانىغا ۋە ئۇنىڭ خىزمەتلىرىگە قىلغانلىرىمنى ئۇنتۇپ قالمىغايسەن! ئۇ كۈنلەردە مەن بەزى يەھۇدىيلارنىڭ دەم ئېلىش كۈنىدە ئۈزۈم يانجىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئادەملەرنىڭ يەنە ئاشلىق ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئېشەكلىرىگە ئارتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلار دەم ئېلىش كۈنىدە ئۈزۈم، ئەنجۈر، شاراب ۋە ھەر خىل مەھسۇلاتلارنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنى بۇ كۈندە مەھسۇلاتلىرىنى ساتماسلىققا ئاگاھلاندۇردۇم. يېرۇسالېمدا تۇرغان تىر شەھىرىدىن كەلگەنلەر بېلىق ۋە ھەر خىل تاۋارلارنى ئېلىپ كېلىپ دەم ئېلىش كۈنىدە يەھۇدىيەدىكىلەرگە سېتىۋاتاتتى، ھەتتا يېرۇسالېمدىمۇ شۇنداق قىلىۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن يەھۇدىيلارنىڭ جامائەت ئەربابلىرىنى ئەيىبلەپ، مۇنداق دېدىم: _ نېمە ئۈچۈن بۇنداق رەزىللىك بىلەن دەم ئېلىش كۈنىنى بۇلغايسىلەر؟ ئەجدادلىرىڭلار شۇنداق قىلمىغانمىدى؟ شۇنىڭ بىلەن خۇدايىمىز بۇ بالايىئاپەتنى بىزگە ۋە بۇ شەھەرگە ياغدۇرغانىدى. ھازىر سىلەر دەم ئېلىش كۈنىنى بۇلغاش ئارقىلىق ئىسرائىللارغا قارشى تېخىمۇ زور غەزەپنى قوزغاۋاتىسىلەر! شۇنىڭ بىلەن مەن دەرۋازىلارنى دەم ئېلىش كۈنىدىن ئاۋۋال، كۈن پاتقاندا تاقاشنى ۋە دەم ئېلىش كۈنى ئۆتۈپ كەتمۈگىچە ئاچماسلىقنى بۇيرۇدۇم. مەن دەم ئېلىش كۈنىدە ھەرقانداق يۈك كىرمىسۇن، دەپ خىزمەتكارلىرىمنى دەرۋازىلارغا قويدۇم. ھەر خىل تاۋارلارنى ئەكەلگەن سودىگەرلەر ۋە سېتىقچىلار بىر ياكى ئىككى قېتىم يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدا كېچىنى ئۆتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن مەن: _ نېمە ئۈچۈن كېچىنى سېپىل سىرتىدا ئۆتكۈزىسىلەر؟ ئەگەر يەنە شۇنداق قىلساڭلار، ئەدىپىڭلارنى بېرىمەن! _ دەپ ئاگاھلاندۇردۇم. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار دەم ئېلىش كۈنىدە قايتا كەلمىدى. ئاندىن مەن دەم ئېلىش كۈنىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن، لاۋىيلارنىڭ ئۆزلىرىنى پاكلاپ دەرۋازىلارغا قاراۋۇللۇق قىلىشىنى بۇيرۇدۇم. ئى خۇدايىم، بۇنىڭ ئۈچۈن مېنى سەمىڭدە تۇتقايسەن ھەمدە يۈكسەك مەڭگۈلۈك مېھىر-مۇھەببىتىڭ بىلەن ماڭا رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن! شۇ كۈنلەردە مەن ئاشدود، ئاممون ۋە موئابلاردىن ئۆيلەنگەن بەزى يەھۇدىيلارنى كۆردۈم. تېخىمۇ يامىنى، ئۇلارنىڭ بالىلىرىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئۆز يەھۇدىي تىلىمىزنى بىلمەي، پەقەت ئاشدودلۇق ياكى باشقا خەلقلەرنىڭ تىلىنىلا سۆزلىيەلەتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنى ئەيىبلەپ، ئۇلارغا لەنەت يېغىشىنى تىلىدىم. بەزىلىرىنى ئۇرۇپ، چېچىنى يۇلدۇم. مەن ئۇلارنى بالىلىرىنىڭ يەرلىكلەر بىلەن توي قىلىشىغا يول قويماسلىقى ئۈچۈن خۇدا ئالدىدا قەسەم ئىچكۈزدۈم. مەن ئۇلارغا مۇنداق دېدىم: _ بۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ سۇلايمان پادىشاھىنىڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈشكە ئازدۇرۇلغىنىدەك بىر ئىش ئەمەسمۇ؟ ھەرقانداق مىللەتتىن ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغۇدەك پادىشاھ بولمىغان، خۇدا ئۇنىڭغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، ئۇنى ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى قىلىپ تىكلىگەن. بىراق شۇنداق بولسىمۇ ئۇ يات مىللەتلەردىن بولغان ئاياللارنىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن گۇناھ ئۆتكۈزگەن. ئەمدى سىلەر قانداقلارچە باشقا مىللەتلەردىن ئۆيلىنىپ، گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، خۇداغا ساداقەتسىزلىك قىلىشنى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالىدىڭلار؟! باش روھانىي ئەلياشىبنىڭ ئوغلى يويادانىڭ بىر ئوغلى خورونلۇقلاردىن بولغان سانباللاتنىڭ قىزىنى ئالغان، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنى جامائەت ئالدىدا قوغلاپ چىقاردىم. ئى خۇدايىم، بۇ ئادەملەرنى ھەمدە ئۇلارنىڭ روھانىيلىقىنى ۋە سېنىڭ روھانىيلار ھەم لاۋىيلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەڭنى بۇلغىغىنىنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن! شۇنىڭ بىلەن مەن خەلقنى ھەرقانداق يات خەلقلەردىن يۇققان يامان تەسىرلەردىن پاكلىدىم. مەن روھانىيلارغا ۋە لاۋىيلارغا ۋەزىپە بېكىتىپ، ھەربىر ئادەمگە ئۆز خىزمىتىنى بەردىم. مەن يەنە بەلگىلىك ۋاقىتتا ئوتۇنلارنىڭ ھەمدە تۇنجى پىشقان مېۋىلەرنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىغا ئېلىپ كېلىنىشىنى ئورۇنلاشتۇردۇم. ئى خۇدا، مېنى سەمىڭدە تۇتقايسەن، ماڭا مېھرىبانلىق قىلغايسەن! ئۇ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلىدا بارلىق ئالىي ئەمەلدارلىرى بىلەن بەگلىرىگە بىر كاتتا زىياپەت بەردى. زىياپەتكە پېرسىيە بىلەن مېدىيانىڭ سەركەردىلىرى، ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر ۋە ئالىي ئەمەلدارلار كېلىپ قاتناشتى. زىياپەت ئالتە ئاي داۋاملاشتى. پادىشاھ بۇ جەرياندا ئۇلارغا ئۆز ئىمپېرىيىسىنىڭ بايلىقى ۋە ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىنى نامايان قىلدى. ئارقىدىنلا پادىشاھ يەنە سۇزا قەلئەسىدىكى پۈتۈن كىشىلەرگە، مەرتىۋىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىگە قارىماي، ئوردا گۈلزارلىقىدا يەتتە كۈن زىياپەت بەردى. مەزكۇر گۈلزارلىق ئاق ۋە كۆك كەندىر رەختتىن تىكىلگەن پەردىلەر بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، بۇ پەردىلەر مەرمەر تاش تۈۋرۈكلەردىكى كۈمۈش ھالقىلارغا سۆسۈن رەڭلىك كەندىر رەخت بىلەن چېكىلگەنىدى. مەرمەر تاش، سەدەپ ۋە تۈرلۈك رەڭلىك تاشلار ياتقۇزۇلغان يەرنىڭ ئۈستىگە ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان يۆلەنچۈكلۈك ئۇزۇن ئورۇندۇقلار قويۇلغانىدى. شارابلار بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئالتۇن قەدەھلەرگە قۇيۇلغان بولۇپ، پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئوردىدىكى شارابلار مەردلەرچە تەمىنلەندى. پادىشاھ ئوردا خىزمەتكارلىرىغا ھەممەيلەننىڭ خالىغانچە شاراب ئىچىشىگە يول قويۇشلىرىنى، ئەمما ھېچكىمگە زورلىماسلىقلىرىنى بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خانىش ۋاشتى پادىشاھ ئاھاشۋىرۇشنىڭ ئوردىسىدا ئاياللار ئۈچۈن ھەم زىياپەت بەردى. كاتتا زىياپەتنىڭ يەتتىنچى كۈنى پادىشاھ شارابتىن كەيپى چاغ بولغىنىدا، ھۇزۇرىدا خىزمەت قىلىدىغان يەتتە ھەرەمئاغىسىنى يەنى مەھۇمان، بىزتا، ھاربونا، بىغتا، ئاباغتا، زەتار، كەركەسلەرنى خانىش ۋاشتىغا خانىشلىق تاجىنى كىيدۈرۈپ، ھۇزۇرىغا تەكلىپ قىلىپ كېلىشلىرىنى بۇيرۇدى. خانىش ئىنتايىن چىرايلىق ئايال بولغاچقا، پادىشاھ ئالىي ئەمەلدارلىرى بىلەن بارلىق زىياپەت ئەھلىگە ئۇنىڭ گۈزەل جامالىنى كۆرسەتمەكچىدى. لېكىن ھەرەمئاغىلىرى خانىش ۋاشتىغا پادىشاھنىڭ ئەمرىنى يەتكۈزگەندە، ئۇ بېرىشنى رەت قىلدى. بۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئىنتايىن خاپا بولۇپ، غەزىپى ئۆرلەپ كەتتى. ئاشۇ ۋاقىتتىكى پادىشاھلارنىڭ قائىدىسى بويىچە پادىشاھ مەلۇم مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە، قانۇن ۋە تەرتىپ-ئىنتىزامنى ياخشى بىلىدىغانلارنىڭ مەسلىھىتىنى ئالاتتى، شۇڭا پادىشاھ ئۆز زامانىنىڭ تاكامۇللاشقان ئاقىللىرىدىن مەسلىھەت سورىدى. ئاقىللاردىن ئۇنىڭ يېقىنلىرى كارشىنا، شەتار، ئادماتا، تارشىش، مەرەس، مارسىنا ۋە مەمۇخانلار ئىدى. ئۇلار پېرسىيە ۋە مېدىيادىكى يەتتە ئالىي ئەمەلدار بولۇپ، پادىشاھ بىلەن دائىم كۆرۈشەلەيدىغان ۋە ئىمپېرىيىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان كىشىلەر ئىدى. پادىشاھ ئۇلاردىن: _ مەنكى پادىشاھ ئاھاشۋىرۇش ھەرەمئاغىسىنى ئەۋەتىپ، خانىش ۋاشتىغا ئەمر يەتكۈزگەنىدىم. لېكىن، ئۇ ئەمرىمنى بەجا كەلتۈرمىدى. قانۇن بويىچە ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ _ دەپ سورىدى. مەمۇقان بۇنىڭغا جاۋابەن پادىشاھ ۋە باشقا ئالىي ئەمەلدارلارغا مۇنداق دېدى: _ خانىش ۋاشتى پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئەمەس، بەلكى پادىشاھنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى ئالىي ئەمەلدارلىرىنىڭ شۇنداقلا پۈتكۈل خەلقلەرنىڭ ئالدىدىمۇ خاتالىق ئۆتكۈزۈپتۇ! چۈنكى خانىشنىڭ قىلغان بۇ ئىشى ئىمپېرىيىمىزدىكى ھەممە ئاياللارنىڭ ئارىسىغا تارقىلىشى بىلەنلا بۇ ئىش ئۇلارنىڭ ئۆز ئەرلىرىنى كۆزىگە ئىلماسلىقىغا سەۋەب بولىدۇ. ئۇلار: »پادىشاھ ئاھاشۋىرۇش خانىش ۋاشتىنى ھۇزۇرىغا تەكلىپ قىلغانىكەن، ئەمما ئۇ بېرىشنى رەت قىلىپتۇ» دېيىشىدۇ. پېرسىيە ۋە مېدىيادىكى ئەمەلدارلارنىڭ خانىملىرى خانىشنىڭ بۇ ئىشىنى ئاڭلىغان ھامان ئەرلىرىگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىشقا باشلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئائىلىدە مەنسىتمەسلىك بىلەن خاپىلىق ئۈزۈلمەيدۇ. ئەگەر ئالىيلىرى خالىسىلا، بۇنىڭدىن كېيىن ۋاشتى پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلمىسۇن، دەپ ئەمر چۈشۈرگەيلا ۋە بۇ ئەمرنى يازدۇرۇپ، پېرسىيە بىلەن مېدىيانىڭ قانۇنىغا ئۆزگەرمەس قىلىپ كىرگۈزگەيلا ۋە ئالىيلىرى ئۇنىڭ خانىشلىق ئورنىنى ئۇنىڭدىن ياخشىراق بىرسىگە بەرگەيلا. پادىشاھ ئەمرى كاتتا ئىمپېرىيىلىرىنىڭ ھەممە جايلىرىغا جاكارلانغاندىن كېيىن، ھەممە ئاياللار ئۆز ئەرلىرىنىڭ مەرتىۋىسىنىڭ بار يوقلۇقىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنى ھۆرمەت قىلىدىغان بولىدۇ، _ دېدى. پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئالىي ئەمەلدارلىرى بۇ پىكىرنى توغرا تاپتى، شۇڭا پادىشاھ مەمۇقاننىڭ تەكلىپى بويىچە ئىش كۆردى. پادىشاھ ھەربىر ئۆلكە خەلقىنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىدا ئىمپېرىيىنىڭ ھەممە جايلىرىغا: «ھەربىر ئەر ئۆز ئائىلىسىنىڭ خوجايىنىدۇر» دەپ ھۆكۈم چۈشۈردى. پادىشاھ ئاھاشۋىرۇشنىڭ غەزىپى قايتقاندىن كېيىن، ۋاشتى ۋە ئۇنىڭ قىلغانلىرى ھەم ئۇنىڭ ئۈستىدىن چىقىرىلغان ئۆز يارلىقى ھەققىدە ئويلايدىغان بولدى. پادىشاھنىڭ مەخسۇس غۇلاملىرى پادىشاھقا: _ ئالىيلىرى ئۈچۈن ياش ۋە چىرايلىق قىزلار تېپىپ كەلتۈرۈلسۇن. بۇ چىرايلىق قىزلارنى سۇزا قەلئەسىدىكى ھەرەمخانىغا يىغىپ كېلىش ئۈچۈن ئىمپېرىيىلىرىنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىگە ئەمەلدارلار تەيىنلەنسۇن. قىزلار ئوردا توقاللىرىغا مەسئۇل ھەرەمئاغىسى ھېگاينىڭ باشقۇرۇشىدا بولسۇن ۋە پەدەز مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەنسۇن. ئاندىن ئۆزلىرىگە ياققان قىز ۋاشتىنىڭ ئورنىغا خانىش بولسۇن، _ دەپ تەكلىپ بەردى. بۇ تەكلىپ پادىشاھقا ياققاچقا، ئۇ شۇنداق قىلدى. سۇزا قەلئەسىدە موردىكاي ئىسىملىك بىر يەھۇدىي بولۇپ، ئۇ بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان يائىرنىڭ ئوغلى ئىدى. يائىر شىمەينىڭ ئوغلى، شىمەي بولسا كىشنىڭ ئوغلى ئىدى. بابىل پادىشاھى نەبۇكەدنەسەر يېرۇسالېمدىن يەھۇدىيە پادىشاھى يەكونيەنى بىر توپ ئادەملەر بىلەن بىللە ئەسىر قىلىپ ئېلىپ كەلگەندە، كىشمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە ئىدى. موردىكاينىڭ ئەستىر ئىسىملىك بىر نەۋرە سىڭلىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىبرانىيچە ئىسمى ھاداسا ئىدى. ئۇ بىر گۈزەل، كېلىشكەن قىز بولۇپ، ئاتا-ئانىسى تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن موردىكاي ئۇنى ئۆز قىزى قىلىپ بېقىۋېلىپ، چوڭ قىلغانىدى. پادىشاھنىڭ پەرمانى بىلەن نۇرغۇن قىزلار سۇزا قەلئەسىدىكى ھەرەمخانىغا كەلتۈرۈلگەندە، ئەستىرمۇ ئوردىدىكى قىزلارغا مەسئۇل ھېگايغا تاپشۇرۇلدى. ئەستىر ھېگايغا ياقتى. ھېگاي ئۇنىڭغا ئىلتىپات قىلىپ، دەرھال ئۇنى پەرداز مۇلازىمىتى ۋە ئالاھىدە يېمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلىدى. شۇنداقلا ئۇ ئوردىدىن يەتتە كېنىزەكنى ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا تاللاپ، ئەستىر ۋە ئۇلارغا ھەرەمخانىدىن ئەڭ ياخشى جاينى بەردى. ئەستىر ئۆز خەلقى ۋە ئۇرۇق-ئەجدادى ھەققىدە ھېچكىمگە ھېچنېمە ئېيتمىدى، چۈنكى موردىكاي ئۇنىڭغا بۇ توغرىسىدا ئېغىز ئاچماسلىقنى بۇيرۇغانىدى. موردىكاي ئەستىرنىڭ ھال-ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، ھەر كۈنى ھەرەمخانا ھويلىسىنىڭ ئەتراپىدا مېڭىپ يۈردى. رەسمىيەت بويىچە ھەربىر ياش قىز پادىشاھ ئاھاشۋىرۇشنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىش ئۈچۈن، ئۆز نۆۋىتى كېلىشتىن بۇرۇن ئالتە ئاي مۇرمەككى يېغى بىلەن، ئالتە ئاي خۇش پۇراق ئەتىر ۋە مايلار بىلەن جەمئىي ئون ئىككى ئاي پەرداز قىلىنىشى كېرەك ئىدى. قىز پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرگەندە، ھەرەمخانىدىن ئوردىغا نېمىنى ئېلىپ كېتىشنى خالىسا، ئۇنىڭغا شۇ نەرسىلەر بېرىلەتتى. كەچقۇرۇن پادىشاھ ھۇزۇرىغا كىرگەن قىز ئەتىسى ئەتىگەندە ئوردىدىكى ھەرەمخانىنىڭ باشقا بىر بۆلۈمىگە ئەۋەتىلەتتى. ئۇ ھەرەمخانا توقاللارنى باشقۇرغۇچى ھەرەمئاغىسى شائاشغاز نازارىتى ئاستىدا ئىدى. پەقەت پادىشاھقا ياققان، ئىسمى ئاتاپ چاقىرىلغان قىزلا قايتىدىن ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كىرەلەيتتى. ئەستىر يەنى ئابىھائىلنىڭ قىزى (موردىكاي بېقىۋالغان ئۆزىنىڭ بىر نەۋرە سىڭلىسى) نىڭ پادىشاھ ھۇزۇرىغا كىرىش نۆۋىتى كەلگەندە، ھەرەمئاغىسى ھېگاي ئۇنىڭغا نېمىنى ئېلىش ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن بولسا، شۇنى ئالدى ۋە باشقا ھېچ نەرسە سورىمىدى. ئەستىرنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى ياقتۇرۇپ قالاتتى. شۇنداق قىلىپ ئاھاشۋىرۇش ئىمپېرىيىسىنىڭ يەتتىنچى يىلى، ئونىنچى ئايدا يەنى تەبەت ئېيىدا ئەستىر پادىشاھ ئاھاشۋىرۇشنىڭ ئوردىسىغا كەلتۈرۈلدى. پادىشاھ ئەستىرنى بارلىق ئاياللاردىن ياخشى كۆردى. ئۇ پادىشاھنىڭ ئىلتىپاتى ۋە ئامراقلىقىغا بارچە قىزلاردىن ئارتۇق سازاۋەر بولغاچقا، پادىشاھ ئۇنىڭ بېشىغا خانىشلىق تاجىنى كىيدۈرۈپ، ۋاشتىنىڭ ئورنىغا خانىش قىلدى. كەينىدىن، پادىشاھ ھەممە ئالىي ئەمەلدارلىرى ۋە بەگلىرىگە ئەستىر شەرىپى ئۈچۈن بىر كاتتا زىياپەت بەردى. ھەممە ئۆلكىلەردە بايرام ئېلان قىلىندى ۋە سېخىيلىق بىلەن ھەدىيىلەر بېرىلدى. قىزلار ئىككىنچى قېتىم ھەرەمخانىغا يىغىلغاندا، موردىكاي ئوردىدا مەنسەپكە ئېرىشكەنىدى. ئەستىر موردىكاينىڭ تاپىلىشى بويىچە، ئۆزىنىڭ خەلقى ۋە ئۇرۇق-ئەجدادى ھەققىدە يەنىلا ھېچكىمگە ھېچنېمە ئېيتمىدى. ئەستىر موردىكايغا ئۇنىڭ تەربىيىسىدىكى ۋاقتىدا بويسۇنغاندەك بويسۇناتتى. موردىكاي ئوردىدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، ئوردا دەرۋازىسىدا كۆزەتچىلىك قىلىدىغان بىغتان ۋە تەرەش ئىسىملىك ئىككى ھەرەمئاغىسى بولۇپ، ئۇلار پادىشاھ ئاھاشۋىرۇشقا ئىنتايىن غەزەپلىنىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى قەستلەپ يۈرەتتى. موردىكاي بۇ سۇيىقەستنى بىلىپ قېلىپ، خانىش ئەستىرگە مەلۇم قىلدى. ئەستىر بۇ ئىشنى موردىكاينىڭ نامىدا پادىشاھقا يەتكۈزدى. تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق بۇ ئىشنىڭ راستلىقى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن، بۇ ئىككى كىشى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلدى. بۇ ۋەقە ئىمپېرىيىنىڭ تەزكىرىسىگە پادىشاھنىڭ كۆز ئالدىدا يېزىپ قويۇلدى. بۇ ئىشلاردىن كېيىن پادىشاھ ئاھاشۋىرۇش ئاگاگنىڭ نەسلىدىن بولغان ھاماداتانىڭ ئوغلى ھاماننىڭ ئەمىلىنى بارلىق ئەمەلدارلارنىڭكىدىن يۇقىرى ئۆستۈردى. مەرتىۋە جەھەتتە ھامان پادىشاھ ئاھاشۋىرۇشنىڭ كەينىدىلا تۇراتتى. ئوردىدىكى پۈتۈن ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھنىڭ بۇيرۇغىنىدەك ھاماننىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە، ئۇنىڭغا ئېگىلىپ تەزىم قىلىشاتتى. پەقەت موردىكايلا ئېگىلمەيتتى ھەم تەزىم قىلمايتتى. بۇنى كۆرگەن ئوردىدىكى باشقا ئەمەلدارلار ئۇنىڭدىن: _ پادىشاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنمىغىنىڭىز نېمىسى؟ _ دەپ سورىدى. ئۇلار موردىكايغا بۇ گەپنى ھەر كۈنى دېسىمۇ، ئەمما موردىكاي ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى. موردىكاي ئۇلارغا چۈشەندۈرۈپ: _ مەن يەھۇدىي، ھامانغا تەزىم قىلمايمەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ھاماننىڭ موردىكاينىڭ بۇ ئىشىغا يول قويىدىغان-قويمايدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن بۇ گەپنى ئۇنىڭغا دەپ قويدى. ھامان موردىكاينىڭ ئۇنىڭغا ئېگىلىپ تەزىم قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن غەزەپلەندى. ئۇ يەنە موردىكاينىڭ يەھۇدىي ئىكەنلىكىنى بىلىشى بىلەن، يالغۇز موردىكاينىڭ ئۆزىنىلا جازالاش ئازلىق قىلىدىكەن دەپ قارىدى. شۇڭا ئۇ ئاھاشۋىرۇش ئىمپېرىيىسىدىكى پۈتۈن يەھۇدىيلارنى يەنى موردىكاينىڭ ئۆز خەلقىنى قىرىپ تاشلاشنى پىلانلىدى. ئاھاشۋىرۇش ئىمپېرىيىسىنىڭ ئون ئىككىنچى يىلى بىرىنچى ئايدا يەنى نىسان ئېيىدا بۇ پىلاننىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىغا بىر كۈننىڭ بەلگىلىنىشى ئۈچۈن، ھاماننىڭ ئالدىدا پۇر (چەك) تارتىلدى. پۇردا ئون ئىككىنچى ئاينىڭ يەنى ئادار ئېيىنىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى* ، تەخمىنەن بىر يىلدىن كېيىنكى ۋاقىت چىقتى. ئاندىن ھامان پادىشاھ ئاھاشۋىرۇشقا: _ ئىمپېرىيىلىرىنىڭ ھەممە ئۆلكىلىرىگە چېچىلىپ كەتكەن شۇنداقلا ئۆم ياشايدىغان بىر خەلق بار. ئۇلارنىڭ قانۇنلىرى باشقا خەلقلەرنىڭ قانۇنلىرىغا ئوخشىمايدۇ. ئۇلار ئىمپېرىيىمىزنىڭ قانۇنلىرىغا بويسۇنمايدۇ. ئۇلارنىڭ ياشىشىغا يول قويۇش ئىمپېرىيىمىزنىڭ مەنپەئىتىگە پايدىسىزدۇر. ئەگەر ئالىيلىرى خالىسىلا، ئۇلارنى يوقىتىش ئۈچۈن مەكتۇپ يازدۇرغايلا. مەن ئىمپېرىيىمىزنىڭ مەمۇرىي خىراجىتى ئۈچۈن خەزىنىگە ئۈچ يۈز ئاتمىش مىڭ كىلو كۈمۈش تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىمەن، _ دەپ مەلۇم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ مۆھۈرلۈك ئۈزۈكىنى يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمىنى بولغان ئاگاگنىڭ نەسلىدىن بولغان ھاماداتانىڭ ئوغلى ھامانغا بەردى. پادىشاھ ئۇنىڭغا: _ بۇ كۈمۈشلەر ئۆزۈڭگە قالسۇن. ئۇ خەلقنى قانداق قىلىمەن دېسەڭ، شۇنداق قىل! _ دېدى. شۇڭا بىرىنچى ئاينىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى ھامان پادىشاھنىڭ پۈتۈكچىلىرىنى يىغىپ، ئىمپېرىيىنىڭ ھەممە ئۆلكىلەردىكى رەئىسلىرى، بەگلىرى ۋە ئالىي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا مەكتۇپ يازدۇردى. مەكتۇپلار ھەربىر ئۆلكە خەلقىنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىدا بولۇپ، ئۇلار پادىشاھنىڭ نامىدا يېزىلدى. شۇنداقلا ئۇلارغا پادىشاھنىڭ مۆھۈرلۈك ئۈزۈكى بېسىلدى. مەكتۇپلار چاپارمەنلەر ئارقىلىق پادىشاھنىڭ قول ئاستىدىكى ھەممە ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىلدى. مەكتۇپلاردا: «ئون ئىككىنچى ئاينىڭ يەنى ئادار ئېيىنىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى يەھۇدىيلارنىڭ قېرى-ياش، ئەر-ئايال، بالا-چاقىلىرىنىڭ ھەممىسى بىر كۈن ئىچىدە قىرىلسۇن، ئۆلتۈرۈلسۇن، يوق قىلىنسۇن، مال-مۈلۈكلىرى تالان-تاراج قىلىنسۇن» دەپ يېزىلغانىدى. ھەممە ئادەمنىڭ شۇ كۈنى تەييار بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن، مەكتۇپنىڭ كۆچۈرمە نۇسخىسى ھەرقايسى ئۆلكىلەردە پەرمان بولۇپ، ھەممە پۇقرالارغا ئالدىن ئېلان قىلىنماقچى بولدى. پادىشاھنىڭ ئەمرىگە بىنائەن، مەزكۇر پەرمان سۇزا قەلئەسىدە ئېلان قىلىندى. چاپارمەنلەر پەرماننى دەرھال ھەرقايسى ئۆلكىلەرگە ئېلىپ بېرىشتى. بۇ ۋاقىتتا پادىشاھ بىلەن ھامان بۇنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن شاراب ئىچىشكە ئولتۇردى. سۇزا قەلئەسى بولسا بىسەرەمجانلىقتا قالدى. موردىكاي بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئىنتايىن قايغۇرۇپ، كىيىملىرىنى يىرتىپ، چىگە رەختكە يۆگىنىپ، بېشىغا كۈل چېچىپ، سۇزا قەلئەسىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ، ناھايىتى قاتتىق ئاھۇپەرياد كۆتۈردى. ئۇ ئوردا دەرۋازىسىغا كېلىپ، توختاپ قالدى. چۈنكى بەلگىلىمە بويىچە چىگە رەختكە يۆگەنگەن كىشىلەر ئوردىغا كىرگۈزۈلمەيتتى. پادىشاھنىڭ پەرمانى قايسى ئۆلكىگە يېتىپ كەلسە، ئۇ يەردىكى يەھۇدىيلار قايغۇرۇپ، نالە-پەرياد ئۇرۇشتى. ئۇلار روزا تۇتۇپ، كۆز يېشى قىلىپ، ھازا تۇتۇشتى، نۇرغۇن كىشىلەر چىگە رەختكە يۆگىنىپ، كۈلگە مىلىنىپ يېتىشتى. ئەستىرنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان كېنىزەكلەر بىلەن ھەرەمئاغىلىرى موردىكاي ھەققىدە ئەستىرگە خەۋەر يەتكۈزگەندە، ئۇ ئىنتايىن بىئارام بولۇپ، موردىكايغا كىيىم-كېچەكلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ماتانى تاشلىۋېتىشىنى تەلەپ قىلدى. لېكىن موردىكاي قوبۇل قىلمىدى. ئەستىرنىڭ خىزمىتىگە تەيىنلەنگەن پادىشاھنىڭ ھاتاك ئىسىملىك بىر ھەرەمئاغىسى بار ئىدى. ئەستىر ئۇنى چاقىرتىپ، موردىكاينىڭ يېنىغا بېرىپ، زادى نېمە ئىشنىڭ ئۇنى قىيناۋاتقانلىقىنى ۋە نېمىشقا ئۇنداق بولغانلىقىنى بىلىپ كېلىشكە ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ھاتاك ئوردا دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيداندا موردىكاي بىلەن كۆرۈشتى. موردىكاي يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئۇنىڭغا بىر-بىرلەپ ئېيتىپ بەردى شۇنداقلا ھاماننىڭ يەھۇدىيلارنى يوقىتىش ئۈچۈن دۆلەت خەزىنىسىگە قانچىلىك پۇل ئىئانە قىلىشنى ۋەدە قىلغانلىقىنى دېدى. موردىكاي ئۇنىڭغا يەنە سۇزادا ئېلان قىلىنغان، يەھۇدىيلارنى يوقىتىش توغرىىسىدىكى پەرمانىدىن بىر نۇسخا بەردى. موردىكاي ئۇنىڭ بۇ پەرماننى ئەستىرگە تاپشۇرۇپ بېرىشىنى ھەمدە ئەستىرگە ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇنىڭ پادىشاھقا يېلىنىپ، ئۆز خەلقىنىڭ بىر قوشۇق قېنىنى تىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ھاتاك قايتىپ موردىكاينىڭ تەلىپىنى ئەستىرگە يەتكۈزدى. ئەستىر: _ موردىكايغا مۇنۇ گەپلەرنى يەتكۈز، _ دەپ ھاتاكنى يەنە ئەۋەتتى. _ پادىشاھ ئوردىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقانلار ۋە پادىشاھنىڭ قول ئاستىدىكى خەلقلىرى شۇنى بىلىدۇكى: ئەر ياكى ئايال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قايسى بىر كىشى چاقىرىلماي، ئىچكىرىكى ھويلىغا _ پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرسە، قانۇن بويىچە ئۆلتۈرۈلىدۇ. پەقەت پادىشاھ ئۇنىڭغا قولىدىكى ئالتۇن سەلتەنەت ھاسىسىنى ئۇزىتىپ قالسا، ئۇ تىرىك قالىدۇ. مېنى بولسا پادىشاھ چاقىرمىغىلى بىر ئاي بولدى. ئەستىرنىڭ بۇ گەپلىرى موردىكايغا يەتكۈزۈلدى. موردىكاي ئەستىرگە مۇنداق جاۋاپ ئەۋەتتى: _ يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسى ئۆلتۈرۈلىدىغان يەردە سەن »ھەرگىزمۇ ئوردىدا ياشىغانلىقىم ئۈچۈن ئامان قالىمەن» دەپ ئويلىمىغىن. ئەگەر مۇشۇ ۋاقىتتا سەن سۈكۈت قىلساڭ، يەھۇدىيلارغا باشقا جايدىن ياردەم كېلىدۇ، ئۇلار قۇتۇلۇپ قالىدۇ، لېكىن سەن پۈتۈن جەمەتىڭ بىلەن قوشۇلۇپ ئۆلىسەن. كىم بىلىدۇ، بەلكىم سەن مۇشۇ ۋاقىتلار ئۈچۈن خانىشلىق مەرتىۋىسىگە ئېرىشكەندۇرسەن؟ ئەستىر كېيىن موردىكايغا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: _ سىز بېرىپ، سۇزا قەلئەسىدىكى بارلىق يەھۇدىيلارنى يىغىڭ، سىلەر مەن ئۈچۈن روزا تۇتۇڭلار، ئۈچ كېچە-كۈندۈز ھېچ نەرسە يېمەڭلار، ھېچ نەرسە ئىچمەڭلار. مەنمۇ كېنىزەكلىرىم بىلەن شۇنداق قىلىمەن. ئاندىن مەن قانۇنغا خىلاپ بولسىمۇ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلسەممۇ مەيلى. شۇنداق قىلىپ موردىكاي كەتتى ۋە ئەستىرنىڭ تاپىلىغىنىدەك قىلدى. ئۈچىنچى كۈنى ئەستىر شاھانە لىباسنى كىيىپ، ئوردىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىغا يەنى پادىشاھ تەختى قويۇلغان خاس خانىسى ئۇدۇلىدىكى ھويلىغا كىردى. پادىشاھ خاس خانىسى ئىشىكىنىڭ ئۇدۇلىدىكى تەختىدە ئولتۇراتتى. پادىشاھ خانىش ئەستىرنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىدا تۇرغىنىنى كۆرۈپ، خانىش ئۇنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپات تاپقاچ ئالتۇن سەلتەنەت ھاسىسىنى ئۇنىڭغا ئۇزاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەستىر ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ھاسىنىڭ ئۇچىنى تۇتتى. پادىشاھ ئۇنىڭدىن: _ ئەي خانىش ئەستىر! نېمە بولدى؟ نېمە تەلىپىڭ بار؟ ھەتتا ئىمپېرىيىمنىڭ يېرىمىنى تەلەپ قىلساڭمۇ، ئۇ ساڭا بېرىلىدۇ، _ دېدى. _ ئەگەر ئالىيلىرى خالىسىلا، بۈگۈن ھامان بىلەن بىرگە، سىلى ئۈچۈن تەييارلىغان زىياپىتىمگە قەدەم تەشرىپ قىلغايلا، _ دېدى ئەستىر پادىشاھقا. پادىشاھ: _ ئەستىرنىڭ تەلەپ قىلغىنىدەك ھاماننى دەرھال ئېلىپ كېلىڭلار، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ زىياپەتكە ھامان بىلەن بىللە باردى. شاراب ئىچىلىۋاتقاندا، پادىشاھ ئەستىردىن يەنە: _ ئىلتىماسىڭ نېمە؟ ئىلتىماسىڭ بەجا كەلتۈرۈلىدۇ. نېمە تەلىپىڭ بار؟ ھەتتا ئىمپېرىيىمنىڭ يېرىمىنى تەلەپ قىلساڭمۇ، ئۇ ساڭا بېرىلىدۇ، _ دېدى. ھامان زىياپەتتىن كۆڭلى خۇش قايتتى. لېكىن ئۇ ئوردا دەرۋازىسى ئالدىدىن ئۆتكىنىدە، موردىكاينىڭ ئۇ يەردە ئورنىدىن مىدىرلىماي ئولتۇرغىنىنى، ئۆزىدىن بىرئازمۇ ئەيمەنمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن غەزەپلەندى. لېكىن ئۇ غەزىپىنى بېسىۋېلىپ، ئۆيىگە قايتىپ، ئاغىنىلىرىنى چاقىرتتى ۋە خوتۇنى زەرەشنىمۇ كەلتۈردى. ھامان ئۇلارغا ئۆزىنىڭ چەكسىز بايلىقى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ كۆپلۈكى ھەققىدە پو ئاتتى، شۇنداقلا پادىشاھنىڭ ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى قانداق ئۆستۈرۈپ، بارلىق ئالىي ئەمەلدارلار بىلەن بەگلەردىن يۇقىرى قىلغانلىقىنى ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي سۆزلىدى. ھامان يەنە: _ بۇلاردىن باشقا خانىش ئەستىر بەرگەن زىياپەتكە پادىشاھ بىلەن مەندىن باشقا ھېچكىم تەكلىپ قىلىنماپتۇ. ئۇ يەنە پادىشاھ بىلەن مېنى ئەتىكى زىياپەتكە تەكلىپ قىلدى! بىراق مەن قاچانلا ھېلىقى يەھۇدىي موردىكاينىڭ ئوردا دەرۋازىسى ئالدىدا ئولتۇرغىنىنى كۆرسەم، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ماڭا ھېچبىر ئەھمىيەتسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمەن، _ دېدى. ئۇنىڭ خوتۇنى ۋە ئاغىنىلىرى ئۇنىڭغا: _ سىز بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئوتتۇز يەتتە گەز ئېگىزلىكتە بىر دار تەييارلىتىڭ ۋە ئەتە ئەتىگەندە پادىشاھتىن موردىكاينى دارغا ئېسىشنى تەلەپ قىلىڭ. شۇنداق قىلغاندا زىياپەتكە خۇشال-خۇرام بارىسىز، _ دەپ تەكلىپ بېرىشتى. ھامان بۇنى ياخشى مەسلىھەت دەپ بىلىپ، ئېگىز بىر دار تەييارلاتتى. شۇ كۈنى كەچتە پادىشاھنىڭ ئۇيقۇسى كەلمىگەچكە، ئىمپېرىيىنىڭ تەزكىرىسىنى ئالدۇرۇپ ئوقۇتتى. تەزكىرىنىڭ: «موردىكاي پادىشاھنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش ھەققىدىكى بىر سۇيىقەستنى پاش قىلغان، بۇ سۇيىقەستنى ئوردا دەرۋازىسىنى كۆزەت قىلىدىغان بىغتان بىلەن تەرەش ئىسىملىك ئىككى ھەرەمئاغىسى پىلانلىغان» دەپ يېزىلغان يېرىگە كەلگەندە، پادىشاھ: _ بۇ ئىش ئۈچۈن موردىكاي قانداق تەقدىرلەندى، ئۇنىڭ ئۆزىگە نېمە ئىززەت-ئىكرام كۆرسىتىلدى؟ _ دەپ سورىدى. پادىشاھنىڭ غۇلاملىرى: _ ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە بېرىلمەپتۇ، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى. _ ئوردا ھويلىسىدا كىم بار؟ _ دەپ سورىدى پادىشاھ. بۇ چاغدا ھامان موردىكاينى ياسىتىپ قويغان دارغا ئېسىشقا پادىشاھتىن ئىجازەت سوراش ئۈچۈن ئوردا ھويلىسىغا ئەمدىلا كىرگەنىدى. شۇڭا پادىشاھنىڭ غۇلاملىرى ئۇنىڭغا: _ ھويلىدا ھامان تۇرىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى. _ ئۇنى كىرگۈزۈڭلار! _ دېدى پادىشاھ. ھامان كىرگەندە، پادىشاھ ئۇنىڭدىن: _ پادىشاھ ئىززەت-ئىكرام كۆرسەتمەكچى بولغان كىشىگە نېمە كەلتۈرۈلسە بولىدۇ؟ _ دەپ سورىدى. ھامان ئۆز كۆڭلىدە: «پادىشاھ مەندىن باشقا كىمگىمۇ ئىززەت-ئىكرام كۆرسىتەر ئىدى« دەپ ئويلىدى. ئاندىن پادىشاھنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىك ئالىي ئەمەلدارلىرىدىن بىرى ئۇ كىشىگە لىباس كىيدۈرۈپ، ئۇنى ئاتقا مىندۈرۈپ، شەھەر مەيدانىنى ئايلاندۇرۇپ: «قاراڭلار! پادىشاھ ئىززەت-ئىكرام كۆرسەتمەكچى بولغان كىشى مانا مۇشۇنداق قىلىنىدۇ» دەپ ئۇنىڭ ئالدىدا جار سالسۇن، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ ھامانغا: _ دەرھال شاھانە لىباس بىلەن ئاتنى كەلتۈرۈپ، ھازىرقى دېگىنىڭ بويىچە ئوردا دەرۋازىسى ئالدىدا ئولتۇرغان يەھۇدىي موردىكايغا شۇنداق قىل! ئېيتقانلىرىڭدىن بىرەرسىمۇ كەم قىلىنمىسۇن! _ دەپ بۇيرۇدى. ھامان شاھانە لىباس بىلەن ئاتنى كەلتۈردى. موردىكايغا لىباس كىيدۈرۈپ، ئاتقا مىندۈردى ۋە ئۇنى شەھەر مەيدانىغا ئېلىپ بېرىپ ئايلاندۇرۇپ: _ قاراڭلار! پادىشاھ ئىززەت-ئىكرام كۆرسەتمەكچى بولغان كىشى مانا مۇشۇنداق قىلىنىدۇ، _ دەپ ئۇنىڭ ئالدىدا جار سالدى. شۇنىڭدىن كېيىن موردىكاي ئوردىدىكى ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇشقا قايتىپ كەلدى. ھامان بولسا بېشىنى چۈمكەپ، غەمكىن ھالدا دەرھال ئۆيىگە قايتىپ كەتتى. ئۇ ئۆزى دۇچ كەلگەن ئىشلارنى خوتۇنى زەرەشكە ۋە بارلىق ئاغىنىلىرىغا بىر-بىرلەپ سۆزلەپ بەردى. خوتۇنى ۋە مەسلىھەتچىلىرى ئۇنىڭغا: _ سىز يېڭىلىشكە باشلىغان موردىكاي يەھۇدىي نەسلىدىن بولغاچقا، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرالمايسىز، سىز چوقۇم ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا يېڭىلىپ قالىسىز، _ دېدى. ئۇلار سۆزلىشىپ تۇرغىنىدا، ئوردىنىڭ ھەرەمئاغىلىرى كېلىپ، ھاماننى ئەستىرنىڭ تەييارلىغان زىياپىتىگە بېرىشقا ئالدىراتتى. ئەستىر: _ ئەگەر مەن ئالىيلىرىنىڭ ئىلتىپاتىغا مۇيەسسەر بولسام، ئالىيلىرى خالىسىلا، ئىلتىماسىم ئۈچۈن جېنىمنى قۇتۇلدۇرغايلا. تەلىپىم ئۈچۈن خەلقىمنىڭ ھاياتىنى ساقلىغايلا. مەن ۋە خەلقىم قىرىلىپ، ئۆلتۈرۈلۈپ، يوق قىلىنىشقا سېتىلىپ كەتتۇق. ئەگەر بىز پەقەت قۇل ۋە دېدەكلىككە سېتىلىپ كەتكەن بولساق، مەن سۈكۈت قىلار ئىدىم چۈنكى بىزنىڭ كۈلپەت تارتىشىمىز پادىشاھقا ئېلىپ كېلىدىغان كۆڭۈلسىزلىككە سېلىشتۇرغاندا ھېچ گەپ ئەمەس، _ دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ ۋاقىتتا پادىشاھ ئاھاشۋىرۇش خانىش ئەستىردىن: _ ئۇ كىم ئىكەن؟ بۇنداق قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان كىشى قەيەردە ئىكەن؟ _ دەپ سورىدى. _ بىزنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنىمىز دەل بۇ رەزىل ھاماننىڭ ئۆزى! _ دەپ جاۋاب بەردى ئەستىر. ھامان پادىشاھ ۋە خانىش ئالدىدا تىترەپ كەتتى. پادىشاھ غەزەپ بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، زىياپەتخانىدىن ئوردا گۈلزارلىقىغا چىقىپ كەتتى. ھامان پادىشاھنىڭ ئۆزىنى بوش قويىۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلىپ، خانىش ئەستىردىن بىر قوشۇق قېنىنى تىلەش ئۈچۈن قالدى. پادىشاھ ئوردا گۈلزارلىقىدىن زىياپەتخانىغا قايتىپ كىرگىنىدە، ھامان خانىش ئەستىر يانپاشلاپ ياتقان ئۇزۇن ئورۇندۇققا ئۆزىنى تاشلاپ ياتاتتى. پادىشاھ: _ مەن تۇرۇقلۇق، ئۇ مېنىڭ ئوردامدا خانىشقا ئەدەپسىزلىك قىلىۋاتامدۇ نېمە؟ _ دەپ ۋارقىرىدى. پادىشاھ شۇنداق دېيىشى بىلەنلا ھەرەمئاغىلىرى ھاماننىڭ باش-كۆزىنى چۈمكەپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە تەييار بولدى. پادىشاھنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ھەرەمئاغىلىرىدىن ھاربونا ئىسىملىك بىرسى: _ ھامان ئالىيلىرىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزغان موردىكاينى ئېسىش ئۈچۈن ئوتتۇز يەتتە گەز ئېگىزلىكتە ياساتقان دار ئۇنىڭ ھويلىسىدا تۇرىدۇ! _ دېدى. _ ئۇنىڭغا ھاماننىڭ ئۆزىنى ئېسىڭلار! _ دەپ ئەمر قىلدى پادىشاھ. شۇنىڭ بىلەن موردىكاينى ئاسماقچى بولغان دارغا ھاماننىڭ ئۆزى ئېسىلدى. شۇندىلا پادىشاھنىڭ غەزىپى بېسىلدى. شۇ كۈنى پادىشاھ ئاھاشۋىرۇش يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمىنى ھاماننىڭ پۈتۈن ئۆي-جاي، مال-مۈلكىنى خانىش ئەستىرگە بەردى. موردىكاينىڭ پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىشىگە ئىجازەت بېرىلدى. چۈنكى ئەستىر پادىشاھقا ئۇنىڭ ئۆز تۇغقىنى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەنىدى. پادىشاھ ھاماندىن تارتىۋېلىنغان مۆھۈرلۈك ئۈزۈكنى موردىكايغا بەردى. ئەستىر موردىكايغا ھاماننىڭ ئۆي-جاي، مال-مۈلكىنى باشقۇرۇشنى ھاۋالە قىلدى. ئەستىر يەنە پادىشاھنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ، يىغلاپ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ئاگاگنىڭ نەسلىدىن بولغان ھاماننىڭ يەھۇدىيلارنىڭ نەسلىنى يوقىتىش سۇيىقەستىنى بىكار قىلىشىنى يېلىنىپ سورىدى. پادىشاھ ئەستىرگە ئالتۇن سەلتەنەت ھاسىسىنى ئۇزاتقانىدى، ئەستىر پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئورنىدىن تۇرۇپ: _ ئەگەر مەن ئالىيلىرىنىڭ ئىلتىپاتىغا مۇيەسسەر بولسام، ئالىيلىرى توغرا تېپىپ، مەندىن مەمنۇن بولسىلا، ئالىيلىرى خالىسىلا، بىر ئەمر چۈشۈرۈپ، ئاگاگنىڭ نەسلىدىن بولغان ھاماداتانىڭ ئوغلى ھاماننىڭ ئىمپېرىيىلىرىنىڭ ھەممە ئۆلكىلىرىدىكى يەھۇدىيلارنى يوقىتىش ئۈچۈن يازدۇرغان مەكتۇپلىرىنى بىكار قىلغايلا. مەن خەلقىمنىڭ يوقىتىلىشىغا، تۇغقانلىرىمنىڭ قىرىلىشىغا قانداقمۇ چىداپ تۇرالايمەن؟ _ دېدى. پادىشاھ ئاھاشۋىرۇش خانىش ئەستىر بىلەن يەھۇدىي موردىكايغا مۇنداق دېدى: _ ھامان يەھۇدىيلارنى قىرىپ تاشلىماقچى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى دارغا ئاستۇردۇم ۋە مال-مۈلكىنى ئەستىرگە بەردىم. ئەمدى خالىغىنىڭلارچە، مېنىڭ نامىمدا يەھۇدىيلارغا مەكتۇپ يېزىپ، مۆھۈرلۈك ئۈزۈكىمنى بېسىڭلار. شۇنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، پادىشاھنىڭ نامىدا يېزىلىپ، پادىشاھنىڭ مۆھۈرلۈك ئۈزۈكى بېسىلغان ھەرقانداق مەكتۇپ بىكار قىلىنمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۈچىنچى ئاينىڭ يەنى شىۋان ئېيىنىڭ يىگىرمە ئۈچىنچى كۈنى موردىكاي پادىشاھنىڭ پۈتۈكچىلىرىنى يىغىپ، يەھۇدىيلارغا ۋە ھىندىستاندىن مىسىرنىڭ نېرىسىغىچە بولغان ئىمپېرىيىنىڭ جەمئىي بىر يۈز يىگىرمە يەتتە ئۆلكىسىدىكى رەئىسلىرى، بەگلىرى ۋە ئەمەلدالىرىغا قارىتا، مەكتۇپ يازدۇردى. مەكتۇپلار ھەربىر ئۆلكىنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىدا شۇنداقلا يەھۇدىيلارنىڭ تىل-يېزىقىدا يېزىلدى. موردىكاي پادىشاھ ئاھاشۋىرۇشنىڭ نامىدا يازدۇرغان بۇ مەكتۇپلارغا ئۇنىڭ مۆھۈرلۈك ئۈزۈكىنى باستۇردى ۋە ئۇلارنى ئوردىدىكى چاپقۇر ئاتلارغا مىنگەن چاپارمەنلەر ئارقىلىق تارقاتتى. مەزكۇر مەكتۇپلاردا پادىشاھ ھەرقايسى شەھەرلەردىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن بىرلىشىشىگە ئىجازەت بەرگەن. يەھۇدىيلارنىڭ ئۆزلىرىگە ھۇجۇم قىلماقچى بولغان ھەرقانداق مىللەت ۋە ئۆلكىدىن بولغان ئادەملەرنى ۋە ئۇلارنىڭ خوتۇن-بالىلىرىنى قىرىشىغا، ئۆلتۈرۈشىگە، يوق قىلىشىغا ۋە ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىگە ئىگە بولۇشىغا رۇخسەت بېرىلگەن. بۇ ئىش پۈتۈن ئۆلكىلەردە ئون ئىككىنچى ئاينىڭ يەنى ئادار ئېيىنىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى يەنى ئەسلىدە يەھۇدىيلارنى قىرغىن قىلىشقا بەلگىلەنگەن كۈنى، بىر كۈن ئىچىدە ئىجرا قىلىنسۇن دەپ بېكىتىلدى. بۇ مەكتۇپنىڭ كۆچۈرمە نۇسخىسى ھەرقايسى ئۆلكىلەردە پەرمان بولۇپ جاكارلىنىدىغان ۋە ھەممە ئادەمگە ئۇقتۇرۇلىدىغان بولدى. شۇنداق بولغاندا يەھۇدىيلار دۈشمەنلىرىدىن شۇ كۈنى ئىنتىقام ئېلىشقا تەييار بولالايتتى. چاپارمەنلەر ئوردىدىكى چاپقۇر ئاتلارغا مىنىپ پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە جىددىي ئاتلاندى، سۇزادىكى قەلئەدىمۇ بۇ پەرمان ئېلان قىلىندى. موردىكاي ئاق ۋە كۆك شاھانە لىباسنى كىيىپ، كەندىر يىپتىن توقۇلغان سۆسۈن رەڭ يەڭسىز يېپىنچىسىنى يېپىنىپ، كاتتا ئالتۇن تاجىنى تاقاپ، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقتى. سۇزا شەھىرى خۇشاللىق تەنتەنىلىرىگە چۆمدى. يەھۇدىيلارغا نىسبەتەن بۇ چاغ بەخت-سائادەتكە ئېرىشكەن، شاد-خوراملىق ۋە ئىززەت-ھۆرمەتكە تولغان چاغ بولدى. پادىشاھنىڭ پەرمانى ھەممە ئۆلكە ۋە شەھەرلەرگە يېتىپ بارغاندا، ئۇنى ئاڭلىغان يەھۇدىيلار شادلىققا تولۇپ، خۇشاللىق زىياپىتى بېرىشتى، بايرام قىلىش ئارقىلىق تەبرىكلەشتى. نۇرغۇن يەرلىك ئاھالىلەر يەھۇدىيلاردىن قورقۇشۇپ، يەھۇدىي بولۇشتى. ئون ئىككىنچى ئاينىڭ يەنى ئادار ئېيىنىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى كەلدى. بۇ پادىشاھنىڭ پەرمانىنىڭ بەجا كەلتۈرۈلىدىغان كۈنى، شۇنداقلا يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمەنلىرى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىشكە ئۈمىد باغلىغان كۈن ئىدى. ئەكسىچە بۇ كۈندە يەھۇدىيلار ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى. يەھۇدىيلار ئۆزلىرىگە زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن پادىشاھ ئاھاشۋىرۇشنىڭ پۈتۈن ئۆلكىلىرىدىكى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق شەھەرلەردە يىغىلىشتى. جايلاردىكى خەلقلەر ئۇلاردىن قورقۇشاتتى. شۇڭا ئۇلارغا ھېچكىم قارشىلىق كۆرسىتەلمىدى. پۈتۈن ئۆلكىلەرنىڭ رەئىسلىرى، ئالىي ئەمەلدارلىرى، بەگلىرى ۋە ئوردا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىملار موردىكايدىن قورققاچقا، يەھۇدىيلارغا ياردەم بېرىشتى. چۈنكى موردىكاينىڭ ھوقۇق دائىرىسى بارغانسېرى كېڭىيىش بىلەن ئۇ ئوردىدا ئىنتايىن نوپۇزلۇق بولۇپ، ئۇنىڭ نام-شۆھرىتى بارلىق ئۆلكىلەرگە تارقالغانىدى. شۇڭا يەھۇدىيلار ئۆز دۈشمەنلىرىگە خالىغىنىنى قىلدى. ئۇلار دۈشمەنلىرىنى قىلىچ بىلەن قىرىپ يوقاتتى. يەھۇدىيلار سۇزا قەلئەسىدىلا بەش يۈز كىشىنى ئۆلتۈردى. شۇ كۈنى سۇزا قەلئەسىدە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى پادىشاھقا مەلۇم قىلىنغانىدى، پادىشاھ خانىش ئەستىرگە: _ يەھۇدىيلار يالغۇز سۇزا قەلئەسىدىلا بەش يۈز ئادەم ئۆلتۈرۈپتۇ. ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئىچىدە ھاماننىڭ ئون ئوغلىمۇ بار ئىكەن، ئىمپېرىيىنىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدە يەنە نېمە ئىشلار قىلغاندۇر؟ ئەمدى ئىلتىماسىڭ نېمە؟ ئىلتىماسىڭ بەجا كەلتۈرۈلىدۇ. يەنە نېمە تەلىپىڭ بار؟ دېگىنىڭ كېلىدۇ، _ دېدى. ئەستىر: _ ئالىيلىرى خالىسىلا، سۇزادىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئەتىمۇ بۈگۈنكى پەرمان بويىچە ئىش قىلىشىغا ئىجازەت بەرگەيلا ھەمدە ھاماننىڭ ئون ئوغلىنىڭ جەسەتلىرىنى دارغا ئاستۇرغايلا، _ دەپ جاۋاپ بەردى. پادىشاھ شۇ بويىچە پەرمان چۈشۈردى ۋە بۇ پەرمان سۇزادا جاكارلاندى. ھاماننىڭ ئون ئوغلىنىڭ جەسەتلىرى دارغا ئېسىلدى. ئادار ئېيىنىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى سۇزادىكى يەھۇدىيلار يەنە بىر قېتىم جەم بولۇپ، سۇزادا ئۈچ يۈز ئادەمنى قىردى. لېكىن ئۇلار ئوخشاشلا مال-مۈلۈك ئولجا ئالمىدى. ئادار ئېيىنىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى ئىمپېرىيىنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدىكى باشقا يەھۇدىيلارمۇ يىغىلىشىپ ئۆزلىرىنى قوغداشقانىدى. ئۆزلىرىگە ئۆچمەنلىك قىلغان يەتمىش بەش مىڭ كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، ئارام تاپقانىدى. لېكىن مال-مۈلۈككە قول تەگكۈزمىگەنىدى. ئىككىنچى كۈنى ئۇلار دەم ئالدى ھەم بۇ كۈننى خۇشاللىق زىياپىتى كۈنى قىلىپ بەلگىلىدى. سۇزادىكى يەھۇدىيلار بولسا ئادار ئېيىنىڭ ئون ئۈچىنچى، ئون تۆتىنچى كۈنلىرى يىغىلىشىپ، ئۆزلىرىنى قوغداشتى. ئون بەشىنچى كۈنى دەم ئالدى ھەم بۇ كۈننى خۇشاللىق زىياپىتى كۈنى قىلىپ بەلگىلىدى. شۇڭا كىچىك يېزا-كەنتلەردە تۇرىدىغان يەھۇدىيلار ئادار ئېيىنىڭ ئون تۆتىنچى كۈنىنى خۇشاللىق زىياپىتى بېرىدىغان ئارام ئېلىش كۈنى قىلىپ، بىر-بىرىگە سوۋغاتلار تەقدىم قىلىشىدىغان بولدى. موردىكاي بۇ ئىشلارنى خاتىرىلەپ، پۈتۈن ئاھاشۋىرۇش ئىمپېرىيىسىنىڭ يىراق-يېقىن ئۆلكىلىرىدىكى يەھۇدىيلارغا مەكتۇپ يېزىپ ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ ھەر يىلى ئادار ئېيىنىڭ ئون تۆتىنچى ۋە ئون بەشىنچى كۈنىنى ھېيت كۈنى قىلىشلىرىنى بۇيرۇدى. بۇ كۈنلەر يەھۇدىيلارنىڭ دۈشمەنلىرىدىن ئارام تاپقان كۈنلەر، بۇ ئاي يەھۇدىيلارنىڭ قايغۇلىرى شادلىققا، مۇڭ-زارلىرى خۇشاللىققا ئايلانغان ئاي ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ كۈنلەرنى زىياپەتلەر بېرىش بىلەن ئۆتكۈزۈپ، ئۆزئارا شۇنداقلا كەمبەغەللەرگە سوۋغاتلار بېرىشلىرى بۇيرۇلدى. بۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار موردىكاينىڭ ئۆزلىرىگە يېزىپ قالدۇرغىنى بويىچە ئىش قىلدى ۋە باشلىغان بۇ ھېيتنى داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلىشتى. يەھۇدىيلارنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى، ئاگاگنىڭ نەسلىدىن بولغان ھاماداتانىڭ ئوغلى ھامان يەھۇدىيلارنى يوقىتىش سۇيىقەستىنى پىلانلىغانىدى. ئۇ يەھۇدىيلارنى يوقىتىش ئۈچۈن پۇر (چەك) تارتىش ئارقىلىق بىر كۈننى بەلگىلىگەنىدى. لېكىن ھاماننىڭ سۇيىقەستى پادىشاھنىڭ قۇلىقىغا يەتكەندە، پادىشاھ ھاماننىڭ ئۆزى پىلانلىغان يەھۇدىيلارغا زىيانكەشلىك قىلىش پىلانى ئۇنىڭ ئۆز بېشىغا كەلسۇن دەپ ئەمر يازدۇرغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ھامان ھەم ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى دارغا ئېسىلغان ئىدى. ھامان تارتقان چەك «پۇر» دەپ ئاتالغاچقا، يەھۇدىيلار خاتىرىلىگەن بۇ كۈنلەرمۇ «پۇرىم» دەپ ئاتالدى. يەھۇدىيلار موردىكاي يازغان مەكتۇپ، ئۆزلىرىنىڭ كۆرگەنلىرى ۋە بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىرى ۋەجىدىن، ئۆزلىرى، ئەۋلادلىرى ۋە ئۇلار بىلەن بىرلەشكەن كىشىلەر ئۈچۈن بىر ئەنئەنە بەلگىلەپ، موردىكاينىڭ يېزىپ قالدۇرغىنى بويىچە ھەر يىلى بۇ ئىككى كۈننى خاتىرىلەشنى قارار قىلدى. ئۇلار ھەم بۇ كۈنلەر ئىمپېرىيىنىڭ ھەربىر ئۆلكە ۋە شەھەرلىرىدە، ھەممە ئائىلىلەردە خاتىرىلىنىشى ۋە ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە داۋاملىشىشى كېرەك، بۇ كۈنلەرنىڭ يەھۇدىيلار ئارىسىدا خاتىرىلىنىشى ھېچقاچان توختاپ قالماسلىقى شۇنداقلا يۈز بەرگەن ئىشلار ئەۋلادلار تەرىپىدىن ھەرگىز ئۇنتۇلۇپ قالماسلىقى كېرەك، دەپ قارار قىلدى. ئابىھائىلنىڭ قىزى خانىش ئەستىرمۇ يەھۇدىي موردىكاي بۇرۇن يازغان مەكتۇپتەك بىر پارچە مەكتۇپ يېزىپ، خانىشلىق نوپۇزى بىلەن پۇرىم بايرىمى ئۆتكۈزۈشنى قوللىدى. بۇ مەكتۇپلار پادىشاھ ئاھاشۋىرۇش ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى بىر يۈز يىگىرمە يەتتە ئۆلكىدىكى پۈتۈن يەھۇدىيلارغا يېزىلغانىدى. مەكتۇپلاردا يەھۇدىيلارغا تىنچلىق-ئامانلىق تىلەنگەنىدى. بۇ مەكتۇپلار پۇرىم بايرىمىنى بەلگىلىدى. بۇ بايرامنىڭ ھەر يىلى بەلگىلەنگەن كۈنلەردە خاتىرىلىنىشىنى يەھۇدىي موردىكاي بىلەن خانىش ئەستىر ئوتتۇرىغا قويدى. خەلقلەر خۇددى ئۆزلىرى ۋە ئەۋلادلىرى ئۈچۈن روزا تۇتۇش ۋە قارىلىق تۇتۇش ۋاقتىنى بەلگىلەشنى قارار قىلغاندەك، بۇ بايرامنى ئۆتكۈزۈشنىمۇ قارار قىلدى. ئەستىرنىڭ بۇيرۇقى پۇرىم بايرىمىغا ئائىت قائىدىلەرنى بەلگىلىدى ۋە بۇلارنىڭ ھەممىسى خاتىرە كىتابىغا يېزىلدى. پادىشاھ ئاھاشۋىرۇش ئۆز ئىمپېرىيىسىنىڭ پۈتۈن يەرلىرىدىن، ھەتتا ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولغان جايلاردىن ئالۋان يىغاتتى. ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتى، پائالىيەتلىرى ۋە موردىكاينى قانداق ئۆستۈرۈپ، مەرتىۋىگە چىقارغانلىقى پېرسىيە ۋە مېدىيا پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىسىگە يېزىلغانىدى. يەھۇدىي موردىكاي ئۆز خەلقىنىڭ بەختىنى ئىزدەپ، ئۆز مىللىتىنىڭ تىنچلىقىنى ياقلىغاچقا، يەھۇدىيلار ئارىسىدا ئىززەت تېپىپ، قېرىنداشلىرىنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشكەنىدى. ئۇ مەرتىۋە جەھەتتە پادىشاھ ئاھاشۋىرۇشنىڭ كەينىدىلا تۇراتتى. ئۇز دىيارىدا ئايۇپ ئىسىملىك بىر كىشى ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ قۇسۇرسىز، دۇرۇس، خۇداغا ئىخلاسمەن ئادەم بولۇپ، يامانلىقتىن يىراق تۇراتتى. ئۇنىڭ يەتتە ئوغۇل، ئۈچ قىز پەرزەنتى بار ئىدى. ئۇ يەتتە مىڭ تۇياق قوي، ئۈچ مىڭ تۆگە، بەش يۈز جۈپ ئۆكۈز، بەش يۈز تۇياق چىشى ئېشەك ۋە نۇرغۇن خىزمەتكارلارنىڭ ئىگىسى بولۇپ، شەرقتىكى خەلقلەر ئارىسىدا ئەڭ باي ئادەم ھېسابلىناتتى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى نۆۋەت بىلەن بىر-بىرىنى ئۆيلىرىگە چاقىرىپ، زىياپەت بېرىشەتتى، ئاچا-سىڭىللىرىنىمۇ چاقىرىپ ھەمداستىخان بولاتتى. ھەر قېتىملىق زىياپەتتىن كېيىن ئايۇپ پەرزەنتلىرىنى چاقىرتىپ، ئۇلارنى پاكلىنىشقا بۇيرۇيتتى. ئۆزى ئورنىدىن سەھەر تۇرۇپ ھەر بىر ئوغلى ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلاتتى. چۈنكى ئۇ: «پەرزەنتلىرىم كۆڭۈللىرىدە خۇداغا بىھۆرمەتلىك قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولۇشى مۇمكىن» دەپ ئويلايتتى. ئايۇپ دائىم شۇنداق قىلاتتى. بىر كۈنى پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا يىغىلدى، شەيتانمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىدى. پەرۋەردىگار شەيتاندىن: _ قەيەردىن كەلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى. _ زېمىننى ئايلىنىپ يۈرگەنىدىم، شۇ يەردىن كەلدىم _ دېدى شەيتان جاۋابەن. پەرۋەردىگار شەيتانغا: _ خىزمەتكارىم ئايۇپقا دىققەت قىلدىڭمۇ؟ زېمىندا ئۇنىڭدەك قۇسۇرسىز، دۇرۇس ئادەم يوق. ئۇ ماڭا ئىخلاسمەن بولۇپ، يامانلىقتىن يىراق تۇرىدۇ، _ دېدى. شەيتان جاۋابەن: _ ئايۇپ ساڭا سەۋەبسىزلا ئىخلاسمەن بولغانمىدۇ؟ سەن ھەمىشە ئۇنى، ئائىلىسىنى ۋە ئۇنىڭ ئىلكىدىكى پۈتۈن نەرسىلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا بەرىكەت بېرىپ، ھەممە ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق قىلدىڭ! ئۇنىڭ مال-ۋارانلىرى پۈتۈن زېمىننى قاپلاپ كەتتى. مۇبادا سەن ئۇنىڭ بارلىق نەرسىسىنى ئۆز قولۇڭ بىلەن ئېلىپ كەتسەڭ، ئۇ سېنى ئالدىڭدىلا قارغايدۇ، _ دېدى. _ مەيلى، ئۇنداقتا ئۇنىڭ بارلىق نەرسىلىرى سېنىڭ ئىلكىڭدە بولسۇن، ئەمما ئۇنىڭ ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلغۇچى بولما، _ دېدى پەرۋەردىگار شەيتانغا. شەيتان پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىپ كەتتى. بىر كۈنى ئايۇپنىڭ پەرزەنتلىرى ئاكىسىنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ، شاراب ئىچىپ ئولتۇراتتى. بىر ئادەم كېلىپ ئايۇپقا: _ ئۆكۈزلەر بىلەن يەر ھەيدەۋاتاتتۇق، ئېشەكلەر بىر ياقتا ئوتلاۋاتاتتى. شىبالىقلار تۇيۇقسىز باستۇرۇپ كېلىپ، مال-ۋارانلارنى بۇلاپ، پۈتۈن خىزمەتكارلارنى قىرىۋەتتى. پەقەت ئۆزۈم يالغۇز قېچىپ چىقىپ، خەۋەر يەتكۈزگىلى كەلدىم، _ دېدى. ئۇنىڭ سۆزى ئاخىرلاشماستىنلا يەنە بىرەيلەن كېلىپ: _ ئاسماندىن چاقماق چۈشۈپ، قويلار بىلەن پادىچىلارنى ھالاك قىلدى. يالغۇز ئۆزۈم ساق قېلىپ، خەۋەر يەتكۈزگىلى كەلدىم، _ دېدى. ئۇنىڭمۇ سۆزى ئاخىرلاشماستىنلا يەنە بىرەيلەن كېلىپ: _ كالدانلار ئۈچ توپقا بۆلۈنۈپ، بىزگە ھۇجۇم قىلدى. خىزمەتكارلارنى ئۆلتۈرۈپ، تۆگىلەرنى بۇلاپ كەتتى. پەقەت ئۆزۈم يالغۇز قېچىپ چىقىپ، خەۋەر يەتكۈزگىلى كەلدىم، _ دېدى. ئۇنىڭمۇ سۆزى ئاخىرلاشماستىنلا يەنە بىرەيلەن كېلىپ: _ پەرزەنتلىرىڭىز چوڭ ئوغلىڭىزنىڭ ئۆيىدە زىياپەتتە شاراب ئىچىپ ئولتۇرغانىدى. تۇيۇقسىز چۆل تەرەپتىن قارا بوران كېلىپ ئۆينى ئۆرۈۋەتتى. پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ئۆينىڭ ئاستىدا قېلىپ قازا قىلدى. يالغۇز ئۆزۈم ساق قېلىپ، خەۋەر يەتكۈزگىلى كەلدىم، _ دېدى. ئايۇپ بۇ خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، كىيىمىنى يىرتتى. چېچىنى چۈشۈرۈپ، ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ، مۇنداق دۇئا قىلدى: «مەن بۇ دۇنياغا يالىڭاچ كەلگەن، يەنە يالىڭاچ كېتىمەن. پەرۋەردىگار ئۆزى بەرگەننى ئۆزى ئېلىپ كەتتى. پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ھەمدۇسانا بولغاي!» ئايۇپنىڭ بېشىغا شۇنچىۋالا كۆپ بالا-قازا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ خۇدانى ئەيىبلەپ، گۇناھ سادىر قىلمىدى. بىر كۈنى پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا يەنە يىغىلغانىدى. شەيتانمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىدى. پەرۋەردىگار شەيتاندىن: _ قەيەردىن كەلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى. _ زېمىننى ئايلىنىپ يۈرگەنىدىم، شۇ يەردىن كەلدىم، _ دېدى شەيتان جاۋابەن. _ خىزمەتكارىم ئايۇپقا دىققەت قىلدىڭمۇ؟ زېمىندا ئۇنىڭدەك قۇسۇرسىز، دۇرۇس ئادەم يوق، ئۇ ماڭا ئىخلاسمەن بولۇپ، يامانلىقتىن يىراق تۇرىدۇ. گەرچە سەن مېنى ئۇنىڭغا سەۋەبسىزلا زەربە بېرىشكە، ئۇنى ۋەيران قىلىشقا قۇتراتقان بولساڭمۇ، ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ پاكلىقىنى ساقلاپ قالدى، _ دېدى پەرۋەردىگار شەيتانغا. شەيتان جاۋابەن: _ جانغا جان! ئىنسان ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەر نەرسىسىدىن ۋاز كېچىشكە تەيياردۇر. سەن ئۇنىڭ تېنىگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزسەڭ، ئۇ سېنى ئالدىڭدىلا قارغايدۇ، _ دېدى. _ بولىدۇ، ئۇنى سېنىڭ ئىلكىڭگە تاپشۇردۇم، ئۇنى پەقەت ھايات قويساڭلا بولدى، _ دېدى پەرۋەردىگار شەيتانغا. شەيتان پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن يېنىپ چىقىپ، ئايۇپقا زەربە بېرىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى ئازابلىق جاراھەت قاپلاپ كەتتى. ئايۇپ قولىغا ساپال پارچىسىنى ئېلىپ، گۇلاختا بەدىنىدىكى جاراھەتلەرنى قاشلاپ ئولتۇراتتى. ئايالى ئايۇپقا: _ سەن يەنىلا پاك ئادەم بولماقچىمۇ؟ ئۇنىڭدىن كۆرە خۇدانى قارغاپ، ئۆلگىنىڭ ياخشى! _ دېدى. _ سەن خۇددى نادان خوتۇنلاردەك گەپ قىلدىڭ. ئەجەبا بىز خۇدادىن پەقەت بەختكىلا ئېرىشىپ، بالا-قازانى قوبۇل قىلماسلىقىمىز كېرەكمىدى؟ _ دېدى ئايۇپ ئايالىغا. ئايۇپ شۇنچە كۆپ ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە دۇچار بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئېغىز ئېچىپ، گۇناھ سادىر قىلمىدى. ئايۇپنىڭ تېمانلىق ئەلىفاز، شۇۋاخلىق بىلداد، نائامالىق زوفار ئىسىملىك ئۈچ دوستى بار ئىدى. ئۇلار ئايۇپنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەردىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىش، ھەمدەمدە بولۇش ئۈچۈن يۇرتلىرىدىن بىرلىكتە يوقلاپ كېلىشكە پۈتۈشكەنىدى. ئۇلار ئايۇپنىڭ تونۇغۇسىز ھالغا كېلىپ قالغانلىقىنى يىراقتىن كۆرۈپلا، ئۈن سېلىپ يىغلاشتى. كىيىملىرىنى يىرتىشىپ، ئۈستباشلىرىغا توپا چېچىشتى. ئۇلار ئايۇپ بىلەن بىرلىكتە يەتتە كېچە-كۈندۈز يەردە ئولتۇرۇپ، بىر ئېغىزمۇ زۇۋان سۈرمىدى. چۈنكى ئۇلار ئايۇپنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنىڭ ناھايىتى ئازابلىق ئىكەنلىكىنى كۆرگەنىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئايۇپ سۈكۈتنى بۇزۇپ ئېغىز ئېچىپ، ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى قارغىدى. ئايۇپ مۇنداق دېدى: «مەن تۇغۇلغان ئاشۇ كۈن، ماڭا ھامىلىدار بولغان ئاشۇ كېچە يوقالغان بولسىچۇ. ئاشۇ كۈننى قاراڭغۇلۇق قاپلاپ، ئەرشتىكى خۇدا ئۇنتۇپ قالغان بولسىچۇ، ئاشۇ كۈنى قۇياشنىڭ پارلاق نۇرى بولمىغان بولسىچۇ. ئاشۇ كۈن قاراڭغۇلۇق ۋە زاۋال ئىلكىدە قالغان بولسىچۇ، قارا بۇلۇتلار ئۇنى قاپلاپ، زۇلمەت ئۇنى ۋەھىمىگە سالغان بولسىچۇ. ئاشۇ كېچىنى قاراڭغۇلۇق ئېلىپ كېتىپ، كۈنلەر قاتارىدا سانالماي، ئايلار ئىچىدە ئورنى بولمىغان بولسىچۇ. ئاشۇ كېچىدە تۇغۇلۇش بولمىغان بولسىچۇ، خۇشاللىق سادالىرىمۇ ئاڭلانمىغان بولسىچۇ. ئاشۇ كۈندۈزنى قارغىيالايدىغانلار، لىۋياتاننى ئويغىتىشقا قادىر بولغانلار ئاشۇ كېچىنى قارغىسۇن. ئاشۇ كېچىنىڭ سەھەر يۇلتۇزلىرى چاقنىمىسۇن، ئاشۇ كېچە شەپەق نۇرىنى كۈتسىمۇ، ئەمما سەھەر نۇرىنى كۆرمىسۇن. ئاشۇ كېچە ئانامنىڭ بالىياتقۇسىنىڭ ئىشىكى ئېتىۋېتىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، مەن بۇ بالا-قازاغا مۇپتىلا بولدۇم. نېمىشقا تۇغۇلۇشتا ئۆلۈپ قالمىغاندىمەن؟ نېمىشقا تۇغۇلۇۋاتقاندا تۇنجۇقۇپ قالمىغاندىمەن؟ نېمىشقا ئانام مېنى ئۆز باغرىغا باسقاندۇ، نېمىشقىمۇ ئاق سۈت بېرىپ باققاندۇ؟ بولمىسا مەن بۇرۇنلا خاتىرجەم ھالدا مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتمەسمىدىم؟ مەن خارابىگە ئايلىنىپ كەتكەن ئېسىل ئوردىلارنى سالدۇرغان پادىشاھ ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىرلىرىگە ھەمراھ بولۇپ، ئۆيلىرى ئالتۇن-كۈمۈشكە تولغان شاھزادىلەر بىلەن بىرگە ئۇيقۇغا كەتمەسمىدىم؟ نېمىشقا بويىدىن ئاجراپ كەتكەن، تېخى قۇياش نۇرىنى كۆرمىگەن ھامىلىدەك يوقالمىغاندىمەن؟ ئۇ يەردە رەزىللەر ئاۋارە قىلمايتتى، ھارغانلار خاتىرجەم ئارام ئالاتتى. مەھبۇسلار خاتىرجەملىككە ئېرىشەتتى، نازارەت قىلغۇچىنىڭ ۋارقىراشلىرىغا قالمايتتى. مەيلى مەرتىۋىلىك بولسۇن، مەيلى مەرتىۋىسىز بولسۇن ھەممە ئادەم ئۇ يەرگە بارىدۇ، قۇللار قۇلدارلارنىڭ باشقۇرۇشىدىن ئازاد بولىدۇ. نېمە ئۈچۈن جاپاكەشلەرگە نۇر ئاتا قىلىنىپ، ئازاب چەككۈچىلەرگە ھايات تەقدىم قىلىنىدۇ؟ ئۇلار ئۆلەي دېسىمۇ ئۆلەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈم ئىستىكى بايلىققا بولغان ئىستىكىدىن ئۈستۈن بولىدۇ. ئۇلار قەبرىگە كىرگەندە ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ، خۇشاللىقلىرىدىن خۇدىنى يوقىتىدۇ. يولىنى كۆرەلمەيدىغانلارغا نېمە ئۈچۈن ھاياتلىق ئاتا قىلىنىدۇ؟ خۇدا ئۇلارنىڭ يولىنى توسۇپ قويغان تۇرسا! ئاش يېيىشنىڭ ئورنىغا ئۇھ تارتىمەن، پەريادلىرىم سۇدەك ئاقماقتا. مەن قورققان ئىشلار ئاخىرى يۈز بەردى، مەن ۋەھىمە قىلغان ئىشلار ئاخىر بېشىمغا كەلدى. خاتىرجەم بولالمىدىم، تىنچلىنالمىدىم، ئاراممۇ تاپالمىدىم، پەقەت كۈلپەتكە قالدىم.» تېمانلىق ئەلىفاز مۇنداق دېدى: «سەن بىلەن سۆزلەشسەم بىزارلىق ھېس قىلامسەن؟ لېكىن كىممۇ سۆزلىمەي چىداپ تۇرالايدۇ؟ بىلىمەن، سەن نۇرغۇن ئادەملەرگە بىلىم بېرىپ، ئاجىز قوللارنى مۇستەھكەم قىلدىڭ. سۆزلىرىڭ يىقىلغانلارنى يۆلىدى، ئاجىز تىزلارنى مەزمۇت قىلدى. ئەمدى، ساڭا ئاپەت يېقىنلاشسا ئۆزۈڭدىن ئۈمىدسىزلەندىڭ، بېشىڭغا بالا كەلسە ئۇنىڭدىن ھودۇقتۇڭ. خۇداغا بولغان ئىخلاسمەنلىكىڭ ساڭا ئىشەنچ بەرمەمدۇ؟ دۇرۇس ئادەم بولۇشۇڭ ساڭا ئۈمىد بەرمەمدۇ؟ ئويلاپ باق، قايسى گۇناھسىز ۋاقىتسىز جېنىدىن جۇدا بولغان؟ قايسى دۇرۇس ئىنسان ۋەيران قىلىنغان؟ مەن كۆردۈمكى، كىم بالا تېرىسا بالا شۇنىڭ بېشىغا كېلىدىكەن، زەھەرلىك ئۇرۇق تېرىغانلار زەھەرلىك ھوسۇل ئالىدىكەن. خۇدانىڭ بىر نەپىسى بىلەن ئۇلار ھالاك بولىدۇ، خۇدانىڭ غەزىپى تۇتسا جېنىدىن جۇدا بولىدۇ. گەرچە رەزىللەر غالجىر شىرغا ئوخشاش ناھايىتى كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن خۇدا ئۇلارنىڭ چىشلىرىنى سۇندۇرىدۇ، شىر ئوۋ ئوۋلىيالماي ئۆلۈپ كەتكەندە، كۈچۈكلىرى ھەر تەرەپكە تارقىلىپ كېتىدۇ. ماڭا غايىبتىن بىر ئاۋاز كېلىپ، قۇلىقىمغا شىۋىرلاشلىرى ئاڭلاندى. كىشىلەر غەرق ئۇيقۇدا، كېچىنىڭ قالايمىقان چۈشلىرى قاينىمىدا ياتاتتى. شۇ چاغ مېنى دەھشەتلىك بىر قورقۇنچ باستى، پۈتۈن بەدىنىم تىترەپ كەتتى. يۈزۈمنى بىر روھ سىلاپ ئۆتتى، قورققىنىمدىن تېنىمدىكى تۈكلەرمۇ ھۈرپىيىپ كەتتى. ئۇ نامەلۇم روھ توختىدى، ئەمما مەن يۈزىنى كۆرەلمىدىم. بىر سىيما كۆز ئالدىمدا تۇراتتى، ئاۋازىنى جىمجىت تۇرۇپ ئاڭلىدىم: ‹ئىنسان خۇدانىڭ ئالدىدا ھەققانىي بولالامدۇ؟ ياراتقۇچىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى پاك دېيەلەمدۇ؟› خۇدا ئەرشتىكى خىزمەتكارلىرىغا ئىشەنمەيدىغان تۇرسا، ھەتتا ئۇ پەرىشتىلىرىدىنمۇ خاتالىق تاپقان تۇرسا. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇ لايدىن ياسالغان، توپىدىن يارىتىلغان ھەتتا كۈيىدەك ئاجىز ئادەمگە قانداقمۇ ئىشەنسۇن؟ ئۇلار ئاخىرى تاڭ بىلەن شام ئارىلىقىدا ۋەيران بولىدۇ، مەڭگۈلۈككە غايىب بولىدۇ، ھېچكىم ئۇلارغا پەرۋا قىلمايدۇ. چېدىرىڭلارنىڭ ئارغامچىسى ئۈزۈۋېتىلگەندەك، ئۇلارمۇ دانالىققا ئېرىشەلمەي ئۆلىدۇ. ئەي ئايۇپ، نىدا قىلىپ باققىن، كىم ساڭا جاۋاب بېرەركىن؟ قايسى پەرىشتىدىن مەدەت تىلەيسەن؟ ئەخمەق ئادەمنى غەزەپ ئۆلتۈرەر، نادان ئادەمنى ھەسەت. مەن نادان ئادەمنىڭ ماكان تۇتۇپ، يىلتىز تارتقىنىنى كۆرگەنىدىم، لېكىن تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئۆيىنى قارغىش تۇتتى. ئۇنىڭ بالا-چاقىلىرى بىخەتەرلىكتىن تولىمۇ يىراقتا ئىدى، ئۇلار شەھەر دەرۋازىسىدا سوتقا چىققاندا بوزەك قىلىنسىمۇ، ھېچكىم قۇتقۇزۇۋالمىدى. نادانلارنىڭ ھوسۇلىنى ئاچلار يەپ تۈگەتتى، ھەتتا تىكەنلەر ئارىسىدا ئۆسكەنلىرىمۇ قالمىدى، بايلىقلىرىنى ئاچكۆزلەر يۇتۇۋەتتى. بالايىئاپەت يەردىن چىقماس، مۈشكۈلات يەردىن ئۈنمەس. خۇددى ئوت ئۇچقۇنلىغاندەك ئىنسان تۇغۇلۇپلا مۇشەققەتتىن خالىي بولالماس. ئەگەر مەن بولغان بولسام خۇدانى ئىزدەپ، ئىشلىرىمنى ئۇنىڭغا تاپشۇراتتىم. ئۇ مۆلچەرلىگۈسىز چوڭ ئىشلارنى قىلىدۇ. سان-ساناقسىز مۆجىزىلەرنى يارىتىدۇ. زېمىنغا يامغۇر ياغدۇرۇپ، ئېتىزلارنى سۇغىرىدۇ. ئۇ پېقىرلارنى مەرتىۋىلىك قىلىپ، مىسكىنلەرنى بىخەتەر جايغا قويىدۇ. ھىيلىگەرلەرنىڭ ھىيلىسىنى بۇزۇپ، ئىشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرمايدۇ. ئۇ ئەقىللىقلارنى ئۆزىنىڭ ھىيلىسى بىلەن بابلاپ، مەككارلارنى نائۈمىد قويىدۇ. ئۇلار كۈندۈزى قاراڭغۇلۇقتا قېلىپ، چۈشلۈكى خۇددى كېچىدەك تىمىسقىلايدۇ. خۇدا نامراتلارنى زوراۋانلارنىڭ قولىدىن، قىلىچتەك ئۆتكۈر تىللىرىدىن قۇتقۇزىدۇ. شۇنداق قىلىپ نامراتلارغا ئۈمىد بېرىپ، رەزىللەرنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلايدۇ. قارا، خۇدا تەرىپىدىن تەربىيەلەنگەنلەر نەقەدەر بەختلىك-ھە! شۇڭا سەن ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ تەربىيەسىگە سەل قارىما. خۇدا ئادەمنى يارىلاندۇرسا، يارىسىنى تاڭىدۇ، ئادەمنى زەخىملەندۈرسە، زەخىمىسىنى داۋالايدۇ. ئالتە قېتىم بالا-قازاغا ئۇچرىساڭمۇ خۇدا سېنى قۇتقۇزىدۇ، يەتتىنچى قېتىم بېشىڭغا ئاپەت كەلسىمۇ، ساڭا زىيان-زەخمەت يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاچارچىلىقتا ئۇ سېنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزىدۇ. ئۇرۇشتا سېنى قىلىچنىڭ زەربىسىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ. تىل-ئاھانەتلەردىن ئامان قالىسەن، بالا-قازا كەلگەندە، ئۇنىڭدىن قورقمايدىغان بولىسەن. ئاپەتلەر ۋە قەھەتچىلىكلەرنى مەنسىتمەيسەن، زېمىندىكى يىرتقۇچ ھايۋانلاردىن قورقمايسەن. يەر ئاغدۇرغاندا ئېتىزدىكى تاشلاردىن، دالادىكى يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ خەتىرىدىن ئەنسىرىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق. چېدىرىڭنىڭ ئامان-ئېسەن بولىدىغانلىقىنى بىلىسەن، ساناپ كۆرسەڭ قورۇقۇڭدىكى قويلار كەم چىقمايدۇ. ئەۋلادلىرىڭنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقىنى، خۇددى ئوت-چۆپتەك مول بولىدىغانلىقىنى بىلىسەن. سەن چوقۇم ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن، ۋاقتى كەلگەندە خۇددى پىشقان بۇغدايدەك ئورىلىسەن. مانا بۇلار بىز ئىسپاتلىغان ھەقىقەتلەردۇر، بۇلارنى ئاڭلىدىڭ، ئۆزۈڭ مۇلاھىزە قىلىپ كۆر.» ئايۇپ مۇنداق جاۋاب بەردى: «ھەسرەتلىرىمنى تارازىغا سېلىپ باققان بولساڭ، ماڭا كەلگەن بالا-قازالارنى ئۆلچەپ باققان بولساڭ، دېڭىزلاردىكى قۇملاردىنمۇ ئېغىر كېلەتتى، شۇڭا مەن ئويلانمايلا جاۋاب بەردىم. ماڭا ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ئوقلىرى تەگدى، روھىم ئۇنىڭدىكى زەھەرنى سۈمۈرمەكتە، خۇدا مېنى ھەر خىل بالايىئاپەتلەر بىلەن قورقۇتماقتا. ياۋا ئېشەكنىڭ ئوت-چۆپى بولسا ھاڭرامدۇ؟ كالىنىڭ ھەلىپى بولسا مۆرەمدۇ؟ سېنىڭ تۇزسىز تائامدەك سۆزلىرىڭنىڭ نېمە لەززىتى بولسۇن؟ كىمنىڭ تەمى يوق تۇخۇم ئېقىنى يېگۈسى كەلسۇن؟ ئاشۇنداق لەززەتسىز تائاملارنى يېمەيمەن، ئۇلارنى ئويلىساملا كۆڭلۈم ئېلىشىدۇ. ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشسا ئىدى، خۇدا تىلىگىنىمنى بەرسە ئىدى، خۇدا مېنى ئېزىشكە رازى بولسا، قولىنى كۆتۈرۈپ جېنىمنى ئالسا ئىدى، ئۇ ۋاقىتتا مېنىڭ ئۇنىڭ مۇقەددەس سۆزلىرىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكىم ماڭا تەسەللى بولار ئىدى، چەكسىز ئازاب ئىچىدىن خۇشاللىق تاپار ئىدىم. مەندە يەنە كۈتكۈدەك نېمە ماغدۇر بولسۇن؟ كەلگۈسۈمنى كۈتكۈدەك يەنە قانداق تاقەت بولسۇن؟ ئەجەبا مەن تاشتىن يارىتىلغانمۇ؟ تېنىم تۇچتىن سوقۇلغانمۇ؟ ئۆزۈمنى قۇتقۇزغۇدەك مادارىم قالمىدى، ماڭغۇدەك يولۇممۇ قالمىدى. ئەگەر بىرسى ئۈمىدسىزلەنگەن دوستىغا مېھرىبانلىق كۆرسەتمىسە، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەممىگە قادىر خۇداغا بولغان ئىخلاسىنى يوقاتقان بولىدۇ. خۇددى پەسىللىك دەريالاردەك، بەزىدە كېلىپ، بەزىدە توختايدىغان ئېقىنلاردەك قېرىنداشلىرىم ئىشەنچسىزدۇر. مۇزلار ئېرىپ سۇلار ئاققاندا، قار سۇلىرىغا لاتقىلار قوشۇلۇپ مول ئېقىنغا ئايلىنىدۇ. ھاۋا ئىسسىغاندا سۈيى ئازلاپ، تومۇز ئىسسىق بولغاندا پۈتۈنلەي قۇرۇپ كېتىدۇ. كارۋانلار سۇ ئىزدىشىپ، يولىدىن ئېزىپ، قاقاس چۆلدە ئۆلۈپ كېتىدۇ. تەمادىن كەلگەن كارۋانلار ئېقىن ئىزدىشىدۇ، شىبالىق سودىگەرلەر سۇنىڭ ئېقىپ كېلىشىنى كۈتىدۇ. كۈتكەنلىرى يوققا چىقىپ، ئۇلارنى ئۈمىدسىزلىك باسىدۇ، كۈتكەن يەرلىرىگە بېرىپ، يۈرەكلىرى پۇچىلىنىدۇ. سۇسىز ئېقىنلارغا ئوخشاش سىلەرمۇ ماڭا ياردەم بەرمەيسىلەر، ماڭا كەلگەن بالايىئاپەتنى كۆرۈپلا تېخىمۇ قورقۇپ كېتىۋاتىسىلەر. مەن سىلەرگە: ‹بايلىقىڭلاردىن ماڭا بېرىڭلار، ياكى پارا بېرىپ مېنى قۇتقۇزۇڭلار› دېگەنمىدىم؟ ياكى مەن: ‹قۇتقۇزۇڭلار دۈشمەن قولىدىن›، ۋە: ‹سېتىۋېلىڭلار زوراۋانلاردىن› دېگەنمىدىم؟ قېنى ئېيتىڭلارچۇ؟ جىمجىت تۇرۇپ سۆزۈڭلارنى ئاڭلاي، قايسى ئىشتا خاتا قىلغانلىقىمنى چۈشەندۈرۈپ قويۇڭلار. ھەقىقەتەن توغرا سۆزنىڭ كۈچى زوردۇر، لېكىن، مېنى ئەيىبلەشكە نېمە ئاساسىڭلار بار؟ سۆزلىرىمنى تەنقىد قىلماقچىمۇسىلەر؟ ئۈمىدسىز ئادەمنىڭ ئېيتقان سۆزلىرى، خۇددى شامالغا ئوخشاش، دەپ ئويلامسىلەر؟ سىلەر يېتىملارنىڭ ئۈستىدە چەك تارتىشىسىلەر، دوست-بۇرادىرىڭلارنى سېتىۋېتىسىلەر. ئەمدى مەرھەمەت قىلىپ، ماڭا قاراڭلار، مەن يۈزمۇيۈز تۇرۇپ، سىلەرگە يالغان ئېيتمايمەن. يېتەر ئەمدى، ناھەقچىلىك قىلماڭلار، يەنە ئويلاڭلار، مەندە ئەيىب يوق! سۆزلىرىمدە ھەقىقەتسىزلىك بارمۇ؟ مەن توغرا-خاتانى پەرقلەندۈرەلەيمەن. بۇ دۇنيادىكى ئىنسان ھاياتى مۇشەققەتلىك ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ كۈنلىرى مەدىكارنىڭ كۈنلىرىگە ئوخشىماسمۇ؟ ئۇ سايىگە تەشنا بولغان قۇلغا، ھەققىنى كۈتۈپ تۇرغان مەدىكارغا ئوخشايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش مېنىڭ پېشانەمگىمۇ مەنىسىز كۈنلەر، ئېچىنىشلىق كېچىلەر پۈتۈلگەندۇر. ياتقان ۋاقتىمدا ‹قاچان تاڭ ئاتار؟› دەپ ئويلايمەن، بىراق كېچە ئۇزۇندۇر، ئۇيقۇسىز ئېغىناپ تاڭنى كۈتىمەن. تەنلىرىمنى جاراھەت بېسىپ، قۇرتلاپ كەتتى، تېرىلىرىم شەلۋەرەپ، يىرىڭلاپ كەتتى. كۈنلىرىم باپكارنىڭ موكىسىدىنمۇ تېز ئۆتمەكتە ھەم ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئاخىرلاشماقتا. ئى خۇدا، ھاياتىمنىڭ پەقەت بىر تىنىق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇمىغىن، كۆزلىرىم ئەمدى بەختنى قايتا كۆرەلمەيدۇ. سەن ھازىر مېنى كۆرەلەيسەن، لېكىن كېيىن كۆرەلمەيسەن. سەن ماڭا نەزىرىڭنى ئاغدۇرغاندا، مەن ئاللىقاچان بۇ دۇنيادىن يوقالغان بولىمەن. ئادەم گۆرگە كىرسە، خۇددى تاراپ كەتكەن بۇلۇتتەك، قايتىپ كەلمەيدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەلمەيدۇ، يۇرتىدىكى كىشىلەرمۇ ئۇنى ئەسكە ئالمايدۇ. شۇڭا مەن ئۈنسىز تۇرالمايمەن، يۈرىكىمدىكى ھەسرەتلىرىمنى ئېيتىمەن، قەلبىمدىكى ئازابلىرىمنى تۆكىمەن. ئى خۇدا، مېنى نىچۈن كۆزىتىپ تۇرىسەن؟ ئەجەبا مەن دېڭىزدىكى قورقۇنچلۇق مەخلۇقمىدىم؟ تۆشۈكۈم ماڭا راھەت بېغىشلايدۇ، كارىۋىتىم دەردىمگە دەرمان بولىدۇ دەپ ئويلىسام، چۈشلىرىمدە قورقۇتىسەن، غايىبانە ئالامەتلىرىڭ بىلەن ۋەھىمىگە سالىسەن. بۇنداق ھالەتتە ياشىغاندىن، بوغۇلۇپ ئۆلۈۋېلىشنى ئارتۇق كۆرىمەن. جېنىمدىن جاق تويدۇم، داۋاملىق ياشاشقا رايىم يوق. كۈنلىرىم نەپەستەك قىسقا بولسا، مېنى ئۆز ئىختىيارىمغا قوي. ئىنسان دېگەن قانچىلىك نەرسە ئىدى، سەن ئۇنى شۇنچە مۇھىم بىلگۈدەك؟ ئۇنىڭغا شۇنچە دىققەت قىلغۇدەك؟ ھەر سەھەردە ئۇنى كۆزەتكۈدەك؟ ھەر دائىم سىنىغۇدەك؟ قاچان ماڭا نەزەر سالماي، تۈكۈرۈكۈمنى يۇتقۇدەك پۇرسەت بېرىسەن؟ ئىنسانلارنى كۆزەتكۈچى ئى خۇدا، گۇناھ قىلغان بولسام، بۇ ساڭا زىيان سالدىمۇ؟ نىچۈن مېنى ئوقۇڭغا نىشان قىلدىڭ؟ ئەجەبا مەن ساڭا يۈك بولۇپ قالدىممۇ؟ نىچۈن قىلمىشلىرىمنى كەچۈرۈم قىلىپ، گۇناھلىرمنى ساقىت قىلمايسەن؟ تېنىم تۇپراققا بەخشەندى بولغاندا، مېنى ئىزدىسەڭمۇ تاپالمايسەن.» شۇۋاخلىق بىلداد ئايۇپقا مۇنداق دېدى: «بۇ گەپلەرنى يەنە قاچانغىچە قىلىسەن؟ ئېغىزدىن چىققان سۆزلەر خۇددى بورانغا ئوخشار. ئەجەبا خۇدا ئادالەتنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتەرمۇ؟ ھەممىگە قادىر خۇدا ھەق-ناھەقنى ئارىلاشتۇرۇۋېتەرمۇ؟ پەرزەنتلىرىڭ خۇداغا قارشى گۇناھ سادىر قىلغانلىقتىن، ئۇلار تېگىشلىك جازاغا ئۇچرىدى. لېكىن سەن خۇداغا ئىنتىلىسەڭ، ھەممىگە قادىر خۇدادىن ئۆتۈنسەڭ، پاك، توغرا بولساڭ، خۇدا قوزغىلىپ، ساڭا شەپقەت قىلىپ، يۇرت-ماكانىڭنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ گۈللەندۈرىدۇ. دەسلەپكى ئەھۋالىڭ باياشات بولمىسىمۇ، كېيىن گۈللىنىسەن. ئۆتمۈشتە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئويلا. ئەجدادلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى تەتقىق قىل. خۇددى بىز تۈنۈگۈن تۇغۇلغاندەكلا ھېچنېمىنى بىلمەيمىز، بۇ دۇنيادىن خۇددى سايىدەكلا ئۆتۈپ كېتىمىز. نېمە ئۈچۈن سەن ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ تەلىم بېرىشىگە، ئەقىل-پاراسەتلىرىنى ئۆگىتىشىگە يول قويمايسەن؟ سازلىق بولمىسا يېكەن ئۆسەمدۇ، قومۇش سۇدىن ئايرىلالامدۇ؟ قومۇش ئۆسكەن تەقدىردىمۇ، سۇ بولمىسا ئورۇلماي تۇرۇپلا باشقا ئوت-چۆپلەردىن بالدۇرلا قۇرۇپ كېتىدۇ. خۇدانى ئۇنتۇغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇشۇ قومۇشقا ئوخشاش بولىدۇ. ئىمانسىزلار ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ۋەيران بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىشىنىدىغىنى قىلدەك ئىنچىكە ئۆمۈچۈك تورىدۇر. ئۇلار ئۆمۈچۈك تورىغا يۆلەنسە، ئۆمۈچۈك تورى ئۇلارنى يۆلەپ تۇرالماس، بايلىققا تايانسا، ئۇ تايانچە بولالماس. ئۇلار خۇددى قۇياش نۇرىدا باراقسان ئۆسكەن ئۆسۈملۈكتەك باغنى قاپلايدۇ. يىلتىزلىرى تاش دۆۋىلىرىگە چىرمىشىپ، تاشلار ئاستىدىن ئورۇن ئالىدۇ. لېكىن ئۇلار يۇلۇپ تاشلانسا، خۇددى ئۆسكەن يېرى ‹ئۇلارنى كۆرمىدۇق› دېگەندەك، ئۇلار مەۋجۇت بولمىغاندەك بولىدۇ. مانا، ئىمانسىزلارنىڭ ئۆمۈرلۈك خۇشاللىقى شۇنداق ئاخىرلىشىدۇ، ئۇلارنىڭ ئورنىنى باشقىلار ئىگىلەيدۇ. بەرھەق، خۇدا دۇرۇس ئادەملەرنى تاشلىمايدۇ، رەزىللەرنى يۆلىمەيدۇ. پەرۋەردىگار سېنىڭ ئاغزىڭنى كۈلكىدىن يېپىلماس قىلىۋېتىدۇ، شادلىقىڭ ئۈزۈلمەيدۇ. ساڭا نەپرەتلەنگەنلەر نومۇستا قالىدۇ، رەزىللەرنىڭ چېدىرلىرى ۋەيران بولىدۇ.» ئايۇپ جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «شۇنداق، دېگەنلىرىڭنىڭ يالغان ئەمەسلىكىنى بىلىمەن، لېكىن، ئادەم قانداق قىلغاندا خۇدا ئالدىدا ئۆزىنىڭ ھەققانىي ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالايدۇ؟ ئەگەر بىر ئادەم خۇدا بىلەن بۇ توغرۇلۇق مۇنازىرىلەشمەكچى بولسا، خۇدا ئۇنىڭدىن مىڭ سوئال سورىسا، ئۇ ئادەم بىر سوئالىغىمۇ جاۋاب بېرەلمەيدۇ. خۇدا ئەقىل-پاراسەتلىك ۋە كۈچ-قۇدرەتلىكتۇر، ھېچكىممۇ ئۇنىڭ بىلەن بەسلىشەلمەيدۇ. ئۇ تۇيدۇرماي تاغلارنى يۆتكىۋېتەلەيدۇ، غەزەپلەنگەندە تاغلارنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتەلەيدۇ. ئۇ يەرنى تەۋرىتىپ، ئورنىدىن قوزغىۋېتەلەيدۇ، زېمىننىڭ ئۇلىنىمۇ سىلكىندۈرۈۋېتەلەيدۇ. ئۇ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، قۇياشنى چىقماس، يۇلتۇزلارنى چاقنىماس قىلىۋېتەلەيدۇ. ئۇ ئۆزى يالغۇز ئاسماننى يېيىپ، دېڭىز دولقۇنلىرى ئۈستىدە مېڭىپ يۈرىدۇ. ئۇ چوڭ ئېيىق يۇلتۇز تۈركۈمى، ئورىيون يۇلتۇز تۈركۈمى، ئۈكەر يۇلتۇز تۈركۈمى ۋە جەنۇبتىكى يۇلتۇزلار تۈركۈمىنى ياراتقاندۇر. ئۇ قىلغان بۈيۈك ئىشلار ساناقسىز، ياراتقان مۆجىزىلەر تەسەۋۋۇر قىلغۇسىزدۇر. ئۇ يېنىمدىن ئۆتسە كۆرەلمەيمەن، ئۇنىڭ يىراقلاپ كەتكىنىنىمۇ بىلەلمەيمەن. ئەگەر ئۇ ‹ئالىمەن› دېسە كىم توسىيالايدۇ، كىم ئۇنىڭدىن ‹نېمە قىلىۋاتىسەن؟› دەپ سورىيالايدۇ؟ خۇدا غەزەپلەنسە غەزىپىنى تۇتۇپ تۇرالمايدۇ. دېڭىز مەخلۇقى راخابنىڭ ياردەمچىلىرىمۇ ئۇنىڭ ئايىغىغا باش قويىدۇ. ئۇنداقتا مەن ئۇنىڭغا قانداق جاۋاب بېرەلەيمەن؟ مەن سۆز تېپىپ، ئۇنىڭ بىلەن قانداقمۇ مۇنازىرىلىشەلەيمەن؟ گەرچە مەن گۇناھسىز بولساممۇ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرەلمەيمەن، پەقەت سوتچىنىڭ رەھىم قىلىشىنىلا ئۆتۈنەلەيمەن. ئەگەر مەن ئۇنى چاقىرسام، ئۇ ماڭا جاۋاب بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما مەن يەنىلا ئۇنىڭ سۆزلىرىمگە دىققەت قىلغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالمايمەن. ئۇ بوران-چاپقۇن بىلەن ماڭا زەربە بەردى، كۆپ قېتىم سەۋەبسىزلا جاراھەتلەندۈردى. ئۇ دېمىمنى ئېلىۋېلىشقىمۇ پۇرسەت بەرمىدى، ئازاب-ئوقۇبەتنى يەتكۈچە تارتقۇزدى. ئەگەر كۈچ ھەققىدە گەپ بولسا، ئۇ ھەقىقەتەن قۇدرەتلىكتۇر، ئەگەر ئادىللىق ھەققىدە گەپ بولسا، كىممۇ ئۇنى سوتقا چاقىرالىسۇن؟ گەرچە مەن گۇناھسىز بولساممۇ ئاغزىم گۇناھكاردۇر، تۈز بولساممۇ، ئاغزىم مېنى ‹ئەگرى› دەيدۇ. قۇسۇرسىزلىقىم ماڭا بەرىبىر، مەن ھاياتىمدىن تويغانمەن. شۇڭا ‹ھەممىسى بەرىبىر› دەيمەن، مەيلى قۇسۇرسىز ئادەم بولسۇن، مەيلى بۇزۇق ئادەم بولسۇن ھەممىسىنى ئۇ يوقىتىدۇ. گەرچە گۇناھسىز بولسىمۇ، ئاپەت كېلىپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا خۇدا كۈلىدۇ. خۇدا رەزىل كىشىلەرنىڭ دۇنيانى باشقۇرۇشىغا يول قويغان، سوتچىلارنىڭ كۆزلىرىنى پەردىلەپ، ئادىل ھۆكۈم چىقىرالماس قىلىپ قويغان. بۇنى خۇدا قىلمىغان بولسا يەنە كىم قىلدى؟ يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقان ئادەمدەك كۈنلىرىم تېز ئۆتمەكتە كۈنلىرىم شۇنچە تېز قاچماقتا، بىر كۈنمۇ ياخشى كۈن كۆرمىدىم. ھاياتىم قومۇشتىن ياسالغان قېيىقتەك تېز، ئولجىغا ئېتىلغان بۈركۈتتەك چاپسان ئۆتمەكتە. ئى خۇدا، ئەگەر مەن بارلىق قاقشاشلىرىمنى ئۇنتۇپ، سولغۇن چىرايىمنى كۈلكە چىرايغا ئايلاندۇرسام ياخشى بولار ئىدى، لېكىن مەن يەنىلا ئاغرىق ئازابىدىن قورقىمەن. چۈنكى، سېنىڭ مېنى گۇناھسىز دېمەيدىغانلىقىڭنى بىلىمەن. سەن مېنى گۇناھكار دەپ قارىغانىكەنسەن، يەنە جان تالىشىپ نېمە قىلاي؟ بويۇمنى قار سۈيىدە، قولۇمنى شاخار بىلەن يۇساممۇ، سەن مېنى يەنىلا ئەۋرەزگە تاشلايسەن، كىيىم-كېچەكلىرىممۇ مەندىن يىرگىنىدۇ. خۇدا ماڭا ئوخشاش ئىنسان بولمىسا، ئۇنىڭغا قانداقمۇ جاۋاب بېرەلەيمەن؟ سوتتا ئۇنىڭ بىلەن قانداق مۇنازىرىلىشەلمەيمەن. ئارىمىزدا ئىككىمىزنى كېلىشتۈرۈپ قويىدىغان كېلىشتۇرگۈچى بولسا ئىدى. ئەگەر ئۇ مەندىن جازا تايىقىنى يىراق قىلغان بولسا، مېنى ۋەھىمىگە سالمىسا، ئۇ ۋاقىتتا مەن قورقماي، يۈرەكلىك سۆزلىيەلەيتتىم، لېكىن مەن ھازىر ئۇنداق قىلالمايمەن.» «ھاياتىمدىن بىزار بولدۇم، شىكايەتلىرىمنى ئوچۇق ئېيتىۋالاي، قەلبىمدىكى ئازابلىرىمنى تۆكۈۋالاي. مەن خۇداغا مۇنداق دەيمەن: ماڭا گۇناھ ئارتمىغىن، ئېيتقىنا قېنى، ماڭا قارشى نېمە شىكايىتىڭ بار؟ ئەجەبا، سەن رەزىللەرنىڭ ھىيلىلىرىگە كۈلۈمسىرەپ، ئۆزۈڭ ياراتقان ئادەملەرنى ئېزىپ، كەمسىتىپ، پايدا ئالالامسەن؟ ئەجەبا سېنىڭ كۆزۈڭمۇ ئىنساننىڭ كۆزىگە ئوخشاش بولۇپ، نەزىرىڭ ئادەملەرنىڭكىدەك تارمىدۇ؟ ئەجەبا كۈنلىرىڭ چەكلىك، ئۆمرۈڭ ئادەملەرنىڭكىدەك قىسقىمىدۇ؟ شۇ سەۋەبتىن سەن ھەمىشە خاتالىقلىرىمنى تەكشۈرۈپ، گۇناھلىرىمنى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرەمسەن؟ ئەمەلىيەتتە گۇناھسىزلىقىمنى بىلىسەن، لېكىن قولۇڭدىن مېنى قۇتقۇزۇشقا ھېچكىم قادىر ئەمەستۇر. سەن مېنى ئۆز قولۇڭ بىلەن ياراتتىڭ، ياسىدىڭ، ئەمدى يەنە سەن ھالاك قىلماقچى بولۇۋاتىسەن. مېنى توپىدىن ياراتقىنىڭنى ئۇنتۇما، ئەجەبا مېنى توپىغا قايتۇرماقچىمۇسەن؟ مېنى سۈتتەك قۇيۇپ، قېتىقتەك ئۇيۇتقان ئۆزۈڭ ئەمەسمۇ؟ سەن مېنى تېرە، گۆش، سۆڭەك ۋە پەيلەر بىلەن توقۇپ چىقتىڭ. سەن ماڭا ھايات ۋە مېھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلدىڭ، سېنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشۈڭ ھاياتىمنى ساقلاپ قالدى. لېكىن سەن يۈرىكىڭگە باشقا بىر نىيەتنى يوشۇردۇڭ، سېنىڭ ئوي-خىياللىرىڭنى بىلىمەن. گۇناھ سادىر قىلغان بولسام تەكشۈرەتتىڭ، گۇناھىمنى كەچۈرۈشۈڭ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. گۇناھىم بولسا بالاغا قالاتتىم، پاك تۇرۇپمۇ بېشىمنى كۆتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمايۋاتىمەن، ھەمدە نومۇستا قېلىپ، يەتكۈچە ئازاب چېكىۋاتىمەن. مەردانە ھالدا قەددىمنى كۆتۈرسەم، ئارقامدىن شىردەك قوغلىدىڭ، كارامەتلىرىڭ بىلەن ماڭا ھۇجۇم قىلدىڭ. يېڭى كۈلپەتلىرىڭ بىلەن ماڭا بولغان نارازىلىقىڭنى قايتا-قايتا ئىسپاتلىدىڭ، ماڭا بولغان غەزىپىڭ تولۇپ تاشتى، ئادەملىرىڭ نۆۋەت بىلەن ماڭا ھۇجۇم قىلماقتا. نېمىشقىمۇ مېنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلدىڭ؟ مەن تۇغۇلۇشتا ئۆلۈپ كەتكەن بولسام ياخشى بولاتتى، ھېچكىممۇ مېنى كۆرمىگەن بولاتتى. خۇددى مەن تۇغۇلمىغاندەك، ئانامنىڭ قورسىقىدىن ئۇدۇل قەبرىگە كىرەتتىم. ۋاقتىم ئازلا قالدى، ئۆتۈنەي، مېنى ئارامىمدا قويغىن، بىردەم بولسىمۇ خۇشاللىنىۋالاي. مەن پات ئارىدا بارسا كەلمەس يەرگە كېتىمەن، زۇلمەت قاپلىغان قاراڭغۇ يەرگە بارىمەن. ئۇ يەر قاپقاراڭغۇ، زۇلمەتلىك، قالايمىقان يەردۇر، ئۇ يەرنىڭ يورۇقى قاراڭغۇلۇققا ئوخشاشتۇر.» نائامالىق زوفار جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلىگەنلەرگە رەددىيە بېرىدىغانلار چىقماسمۇ؟ ئەجەبا جاۋىلداقلىق يوللۇق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلامدۇ؟ ئاغزىڭ بېسىقماي كاسىلدىساڭلا كىشىلەر ئۈن چىقارماي جىمجىت تۇرارمۇ؟ سېنىڭ مەسخىرىلىرىڭ ئۈچۈن كىشىلەر سېنى نومۇستا قالدۇرماسمۇ؟ سەن ئۆزۈڭنى ئېتىقادلىق، خۇدا ئالدىدا پاك ئادەممەن دەپ قارامسەن؟ پەقەت خۇدانىڭ سۆزلىشىنى، ساڭا رەددىيە بېرىشىنى خالايمەن. ئۇ ئەقىل-پاراسەتنىڭ سىرلىرىنى ساڭا ئېيتىپ بېرىدۇ، چۈنكى ھەقىقىي ئەقىل-پاراسەت ئىككى قىرلىق بولىدۇ. بىلىشىڭ كېرەككى، خۇدا سېنى گۇناھلىرىڭغا لايىق جازالىمىغاندۇر. سەن خۇدانىڭ سىرلىرىنىڭ تېگىگە يېتەلەمسەن، ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ چەكسىزلىكىنى بىلەلەمسەن؟ ئۇ ئەرشتىنمۇ بۈيۈك تۇرسا نېمە ئىش قىلالىشىڭ مۇمكىن؟ ئۇ ئۆلۈكلەر ماكانىدىن چوڭقۇر تۇرسا، نېمىنى بىلەلىشىڭ مۇمكىن؟ ئۇ زېمىندىن چوڭ، دېڭىزدىن بىپاياندۇر. ئۇ سېنى قاماققا ئېلىپ، سوتقا تارتسا كىم ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلالىسۇن؟ ئۇ كاززاپلارنى ياخشى بىلىدۇ، ئەجەبا جىنايەتنى كۆرۈپ تۇرۇپ كارى بولماسلىقى كېرەكمىدى؟ ياۋا تەخەي ئادەم تۇغسا، نادان داناغا ئايلىنىدۇ. قەلبىڭنى خۇداغا بېغىشلاپ، ئۇنىڭغا قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىل. گۇناھ قىلغان بولساڭ، گۇناھتىن قول ئۈزگىن، چېدىرىڭدا ھېچقانداق ئادالەتسىز ئىش بولمىسۇن. شۇندىلا سەن خىجالەتسىز ھالدا يۈزۈڭنى كۆتۈرۈپ يۈرەلەيسەن، مەزمۇت دەسسەپ تۇرالايسەن، ھېچبىر قورقۇنچ بولمايدۇ. ئازاب-ئوقۇبەتلىرىڭنى ئۇنتۇيالايسەن، ئۇلار كەلكۈن سۈيىدەك ئېقىپ تۈگەيدۇ. ھاياتىڭ چۈشتىكى قۇياشتىنمۇ پارلاق بولىدۇ، قاراڭغۇلۇقىمۇ سەھەردەك يورۇيدۇ. ئۈمىدكە تولۇپ، ئۆزۈڭنى تەمكىن ھېس قىلىسەن، خۇدا ساقلاپ، خاتىرجەم ئۇخلايسەن. ئۇخلاۋاتقىنىڭدا ھېچكىم ساڭا ۋەھىمە سالمايدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر سەندىن شاپائەت تىلەيدۇ. لېكىن رەزىللەرنىڭ كۆزلىرى نۇرسىزلىنىپ، نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ قاچىدىغان يولى بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ بىردىنبىر ئۈمىدى پەقەت ئاخىرقى نەپەستۇر.» ئايۇپ جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «سىلەر ھەقىقەتەن ئىش بىلىدىغان ئادەم ئىكەنسىلەر-ھە، سىلەر ئۆلسەڭلار ھېچقانداق دانا ئادەم قالمايدىكەن-دە!؟ لېكىن مەندىمۇ سىلەرگە ئوخشاش ئەقىل بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلەرنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ، سىلەر دېگەننى كىم بىلمەيدۇ دەيسىلەر؟ مەن خۇدادىن ئۆتۈنۈپ ئۇنىڭ جاۋابىنى كۈتۈپ، دوستلىرىمنىڭ كۈلكىسىگە قالدىم. مەندەك ھەققانىي، دۇرۇس بىر ئادەم كىشىلەرنىڭ كۈلكىسىگە قالدى. راھەت-پاراغەتتە ياشاۋاتقان كىشىلەر قىيىنچىلىقتا ياشاۋاتقان كىشىلەرنى مەنسىتمەيدۇ. ئۇلار يىقىلاي دەپ قالغان ئادەملەرنى يىقىتىۋېتىدۇ. لېكىن ئوغرىلار چېدىرلىرىدا تىنچ ياشايدۇ، خۇدانىڭ چىشىغا تەگكەنلەر خاتىرجەملىكتە ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئۇلارنىڭ ئۆزى ئىشەنگەن ئىلاھىدۇر. ھالبۇكى ھايۋانلاردىن مەسلىھەت سورىساڭ، ئۇلار ساڭا چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇچار قاناتلاردىن سورىساڭ، ئۇلار ساڭا ئېيتىپ بېرىدۇ. زېمىنغا مۇراجىئەت قىلساڭ، زېمىن ساڭا چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ياكى دېڭىزدىكى بېلىقلاردىن سورىساڭ، ئۇلار ساڭا ئېيتىپ بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە قايسى بىرسى ئۆزلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ياراتقانلىقىنى بىلمەيدۇ؟ بارلىق ھاياتلىق ئۇنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئىنساننىڭ تىنىقىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەستۇر. تىل تائامنىڭ تەمىنى تېتىغاندەك، ئەجەبا قۇلاقمۇ سۆزلەرنى پەرقلەندۈرمەمدۇ؟ ياشانغانلار ئەقىل-پاراسەتلىك، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلەر بىلىملىك بولار. خۇدا ئەقىل-پاراسەتلىك ۋە قۇدرەتلىكتۇر، مەسلىھەت ۋە بىلىم ئۇنىڭغا مەنسۇپتۇر. ئۇ ۋەيران قىلسا، قايتا قۇرغىلى بولماس، ئۇ قاماققا ئالسا، ھېچكىم قۇتقۇزالماس. ئۇ سۇ مەنبەسىنى ئېتىۋەتسە، قۇرغاقچىلىق بولار، سۇ مەنبەسىنى ئېچىۋەتسە، زېمىن سۇ ئاستىدا قالار. ئۇ قۇدرەتلىك ۋە ئەقىل-پاراسەتلىكتۇر، ئالدىغۇچى ۋە ئالدانغۇچى ئۇنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئۇ مەسلىھەتچىلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى يوق قىلىۋېتىپ، سوراقچىلارنى ئەخمەق قىلىدۇ. ئۇ پادىشاھلارنىڭ تونىنى يېشىپ تاشلاپ، خۇددى قۇللاردەك پەقەت ئەۋرەتلىرىنى يېپىپ قويىدۇ. ئۇ روھانىيلارنىڭ تونىنى سالدۇرۇۋالىدۇ، ئۇزۇن ۋاقىت ھوقۇق تۇتقانلارنى ئاغدۇرىدۇ. ئۇ ئاقىللارنى تىلىدىن قالدۇرۇپ، ئاقساقاللارنى بىلىمىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. ئۇ مەرتىۋىلىكلەرنى شەرمەندە قىلىپ، ئەمەلدارلارنى ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. ئۇ قاراڭغۇلۇقتىكى سىرلارنى ئاشكارا قىلىپ، زاۋال باسقان قاراڭغۇلۇقنى يورۇتىدۇ. ئۇ ئەللەرنى گۈللەندۈرىدۇ ھەم زاۋال تاپقۇزىدۇ، ئۇلارنى كېڭەيتىدۇ ھەم چىچىۋېتىدۇ. ئۇ ئەلنىڭ يېتەكچىلىرىنى ئەقلىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئۇلارنى چۆل-باياۋاندا ئازدۇرۇپ، سەرسان قىلىدۇ. ئۇلار نۇرسىز قاراڭغۇلۇقتا تىمىسقىلاپ ماڭىدۇ، خۇددى مەست ئادەملەردەك دەلدەڭشىيدۇ.» «مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىدىم ھەم چۈشەندىم. سىلەر بىلگەننى مەنمۇ بىلىمەن، مېنىڭ سىلەردىن ھېچبىر قالغۇچىلىقىم يوق. ھەممىگە قادىر ئىگەم بىلەن سۆزلەشكۈم، خۇدا بىلەن مۇنازىرىلەشكۈم بار. لېكىن سىلەر ساختىپەز، داۋاسىز تېۋىپسىلەر. سىلەرنىڭ سۈكۈت قىلغىنىڭلار، دانالىقىڭلار ئىدى. ئۆزۈمنى ئاقلىشىمغا قۇلاق سېلىڭلار، سۆزۈمنى دىققەت قىلىپ ئاڭلاڭلار. خۇداغا يان بېسىپ يالغان گەپ قىلماڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن مەككارلىق قىلىشىڭلار زۆرۈرمۇ؟ سىلەر خۇداغا يان باسماقچىمۇ؟ ئۇنى ئاقلىماقچىمۇ؟ ئەگەر ئۇ سىلەردىن سۈرۈشتۈرۈپ قالسا ياخشى بولارمۇ؟ ئەجەبا ئىنسان ئىنساننى ئالدىغاندەك، سىلەرمۇ ئۇنى ئالدامسىلەر؟ سىلەر يوشۇرۇن يان باسساڭلار، ئۇ سىلەرنى ئەيىبلەيدۇ. سىلەر ئۇنىڭ ھەيۋىسىدىن قورقمامسىلەر، ئۇنىڭدىن قورقۇنچ ھېس قىلمامسىلەر؟ ھېكمەتلىك سۆزۈڭلار كۈللەردەك پايدىسىزدۇر، سىلەرنىڭ مۇنازىرەڭلار لايدىن ياسالغان قالقاندەكتۇر. سىلەر ئاغزىڭلارنى يۇمۇپ تۇرۇڭلار، مەن گەپ قىلاي، مەيلى، كېيىن نېمە بولسا، بولسۇن. جېنىمنى تىكىپ قويدۇم، ھاياتىمنىڭ خەتەرگە ئۇچرىشىشىغا قارىمايمەن. ئۇ مېنى ئۆلتۈرسىمۇ مەيلى، مېنىڭ باشقا ئۈمىدىم يوق، مەن يەنىلا ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنى ئاقلاۋېرىمەن. ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىشقا جۈرئەت قىلغىنىم مېنى قۇتقۇزۇۋالىدۇ، چۈنكى گۇناھكار بولسام، ئۇنىڭ ئالدىغا بارالمايتتىم. سۆزۈمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار، بايانلىرىمغا دىققەت بىلەن قۇلاق سېلىڭلار. ئۆزۈمنى ئاقلاشقا تەييارلىنىپ بولدۇم، مەن ئۆزۈمنىڭ قىلغانلىرىمنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. كىم مەن بىلەن بۇ توغرۇلۇق مۇنازىرىلىشەلەيدۇ؟ ئەگەر بىرەرسى مېنىڭ خاتالىقىمنى كۆرسىتىپ بېرەلىسە، مەن ئۈنسىز ئۆلۈشكە رازى. ئى خۇدا، ئەگەر سەن ئىككى ئىشنى قىلغان بولساڭ، مەن سەندىن ئۆزۈمنى يوشۇرمايتتىم: جازايىڭنى توختىتىشىڭنى، ھەيۋەڭ بىلەن مېنى قورقۇتماسلىقىڭنى ئۆتۈنىمەن. ئاندىن مېنى چاقىرغىن، مەن جاۋاب بېرىمەن ياكى مەن بايان قىلىمەن، سەن جاۋاب بېرىسەن. مېنىڭ زادى قانداق خاتالىقىم، قانداق گۇناھىم بار؟ خاتالىقىم ۋە گۇناھىمنى كۆرسىتىپ بەرگەيسەن. نېمىشقا مەندىن دىدارىڭنى يوشۇرىسەن؟ نېمىشقا مېنى دۈشمەن قاتارىدا كۆرىسەن؟ ماڭا ئوخشاش شامالدا تۆكۈلۈپ چۈشكەن بىر تال يوپۇرماقنىمۇ قورقۇتماقچىمۇسەن؟ قۇرۇق ساماننىمۇ قوغلىماقچىمۇسەن؟ مېنى ئەيىبلەش ئۈچۈن گۇناھلىرىمنى يېزىۋاتىسەن، ياش ۋاقتىمدا ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمنى ئۈستۈمگە يۈكلەۋاتامسەن؟ پۇتلىرىمنى كىشەنلەپ، ھەممە يولۇمنى كۆزەتتىڭ، ھەتتا ھەر بىر قەدىمىمگىمۇ چەك قويدۇڭ. بەدەنلىرىم خۇددى پورلاشقان ياغاچتەك، كۈيە چۈشكەن كىيىمدەك بولۇپ يوقايدۇ.» «ئىنسان ئاياللاردىن تۇغۇلىدىغان بولۇپ، ھاياتى قىسقا، مۈشكۈل بولار. ئۇ گۈلدەك ئېچىلىپ، توزۇپ كېتەر، خۇددى سايىدەك تېزلا غايىب بولۇپ، ئۇزاق تۇرماس. نېمە ئۈچۈن مېنىڭ قىلغانلىرىمغا نەزەر سالىسەن؟ مېنى چاقىرىپ كېلىپ يەنە سوراق قىلماقچىمۇسەن؟ ناپاك ئادەمنى كىم تازىلىيالايدۇ؟ ھېچكىم! ئىنساننىڭ كۈنلىرى ساناقلىقتۇر، ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقىلىقى سېنىڭ ئىلكىڭدىدۇر، سىزغان سىزىقىڭدىن ھېچكىم چىقىپ كېتەلمەيدۇ. ئۇنى تىنچ قوي، دەم ئالسۇن، مەدىكارلارغا ئوخشاش كۈندىلىك ئىشىنى تىنچ تۈگەتسۇن. دەرەخ كېسىۋېتىلسىمۇ ئۈمىد بولىدۇ، ئۇ يەنە بىخلاپ چىقىدۇ، يۇمران شاخلىرى توختىماي ئۆسىدۇ. يىلتىزلىرى يەر ئاستىدا چىرىپ كەتسىمۇ، ئۇنىڭ كۆتىكى چىرىپ كەتسىمۇ، لېكىن ئۇنى ئازراق سۇغۇرۇپ قويسىلا، يېڭى تىككەن كۆچەتتەك بىخ سۈرۈپ كۆكلەيدۇ. بىراق، ئىنسان ئۆلسە كۈچ-قۇۋۋىتىدىن ئايرىلىدۇ، تىنىقى توختاپ غايىب بولىدۇ. كۆلدىكى سۇلار پارغا ئايلانغاندەك، دەريالار قۇرۇپ كەتكەندەك، ئادەم ئۆلۈپ دەپنە قىلىنسا قايتا ئورنىدىن تۇرمايدۇ، ئاسمان يوقالمىغۇچە ئۇ ئويغانمايدۇ، ئۇيقۇسىدىن ئويغىنالمايدۇ. ئى خۇدا، مېنى ئۆلۈكلەر ماكانىغا يوشۇرۇپ قويساڭ، غەزىپىڭ بېسىلغۇچە مېنى يوشۇرۇپ قويساڭ، مەن ئۈچۈن بىر ۋاقىت بەلگىلەپ، كېيىن مېنى ئېسىڭگە ئالساڭ! ئادەم ئۆلسە قايتا تىرىلەمدۇ؟ ئەگەر قايتا ھاياتلىققا ئېرىشكىلى بولسا، مەن جاپا-مۇشەققەت ئىچىدە بولساممۇ، تاكى سەن ماڭا ھاياتلىق ئاتا قىلغۇچە كۈتەتتىم. سەن مېنى چاقىرساڭ، مەن ساڭا جاۋاب بېرەتتىم، سەنمۇ ئۆز قولۇڭدا ئاپىرىدە قىلغىنىڭنى كۆرۈشنى خالايسەن. ئۇ چاغدا سەن قەدەملىرىمنى قوغدايىتتىڭ، لېكىن گۇناھلىرىمنى سۈرۈشتۈرمەيتتىڭ. سەۋەنلىكلىرىمنى پېچەتلەپ، گۇناھلىرىمنى يوشۇراتتىڭ. لېكىن، خۇددى تاغلار پارچىلىنىپ، قىيا تاشلار ئورنىدىن قوزغىلىپ، ئېقىن سۇلار تاشلارنى يالاپ، كەلكۈن تۇپراقلارنى ئېلىپ كەتكەندەك، ئادەمنىڭ ئۈمىدىنى بىتچىت قىلىسەن. سەن مەڭگۈ ئۇنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىسەن، ئۇ غايىب بولىدۇ، سەن ئۇنىڭ چىرايىنى ئۆزگەرتىپ، بۇ دۇنيادىن جۇدا قىلىسەن. ئوغۇللىرى چوڭ بولۇپ، شەرەپ قۇچسىمۇ ئۇ بىلمەيدۇ، ئۇلار شەرمەندە بولسىمۇ ئۇنىڭ خەۋىرى بولمايدۇ. ئۇ پەقەت تېنىدىكى ئازابنىلا ھېس قىلىدۇ، ئۆزى ئۈچۈن ھەسرەت چېكىدۇ.» تېمانلىق ئەلىفاز بۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: «ئەقىللىق ئادەم مۇنداق ھېكمەتسىز سۆزلەرنى قىلسا بولامدۇ؟ بۇ شامال بىلەن قورساق تويغۇزغاندەك ئىش ئەمەسمۇ؟ ئۇ نېمىشقا پايدىسىز سۆزلەرنى قىلىدۇ؟ نېمىشقا كېرەكسىز سۆزلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىدۇ؟ سەن خۇدادىن ئەيمەنمىدىڭ ئۇنى سېغىنغانلارغا توسقۇنلۇق قىلدىڭ. گۇناھلىرىڭ ئاغزىڭنى باشقۇرىدۇ، سەن مەككاردەك سۆزلەيسەن. سېنى گۇناھكار قىلغان مەن ئەمەس، بەلكى ئۆزۈڭنىڭ ئاغزىدۇر، لەۋلىرىڭ سېنىڭ گۇناھىڭغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. سەن ئەڭ ئاۋۋالدا ئاپىرىدە بولغانمىدىڭ؟! تاغلاردىن بۇرۇن يارىتىلغانمىدىڭ؟! خۇدانىڭ ھۇزۇرىدىكى يىغىلىشتا، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانمىدىڭ؟! ‹ئەقىل-پاراسەت يالغۇز مەندىلا بار› دەپ قالغانمىدىڭ؟! سەن بىلگەن ھەممە ئىشنى بىزمۇ بىلمەمتۇق؟! بىزگە ئېنىق بولمىغان ئىشلارنى سەن بىلەمتىڭ؟! بۇ يەردە بىزگە بىلىم بەرگەن ئاق چاچلىق ياشانغان كىشىلەر بار، ئۇلار سېنىڭ داداڭدىنمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلەردۇر. خۇدانىڭ تەسەللىسى يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ ساڭا ئېيتقان مۇلايىم سۆزلىرى ئازمىدى؟ نېمە ئۈچۈن ھېسسىياتىڭ بويىچە ئىش قىلىسەن؟ نېمە ئۈچۈن كۆزلىرىڭدىن غەزەپ ئوتىنى چاچرىتىسەن؟ خۇداغا غەزەپلەنگەنلىكىڭدىن، شۇڭا شۇنداق رەزىل سۆزلەرنى قىلىۋاتامسەن؟ ئادەم بولسىلا پاك بولامدۇ؟ ئايالدىن تۇغۇلسىلا ئادىل بولامدۇ؟ خۇدا ھەتتا پەرىشتىلىرىگىمۇ ئىشەنمىگەن، ئاسمانمۇ ئۇنىڭ نەزىرىدە پاك بولمىغان يەردە، گۇناھلارنى سۇدەك ئىچىدىغان، رەزىل، بۇزۇلغان بىر ئىنسان قانداق بولار؟ ئى ئايۇپ، سۆزلىشىمگە رۇخسەت قىل، گېپىمگە قۇلاق سال، كۆرگەنلىرىمنى ساڭا بايان ئەيلەي. بۇ ئاقىللارنىڭ تەلىمىدۇر، ئاقىللار ئەجدادلىرىنىڭ تەربىيەلىرىنى بىزگە يوشۇرماي ئۆگەتتى. بۇ زېمىن ئۇلارغا ئىنئام قىلىپ بېرىلگەنىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يامان تەسىر بېرىدىغان ئىمانسىز ياتلار يوق ئىدى. رەزىللەر ئۆمۈر بويى ئازاب چېكىدۇ، زالىملار بىر ئۆمۈر جاپا تارتىدۇ. ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنىڭ تۈۋىدىن ۋەھىمىلىك ئاۋاز كەتمەيدۇ، ئۇلار ئاسايىشلىق كۈنلىرىدە قاراقچىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ. ئۇلار زۇلمەتتىن قېچىپ قۇتۇلالايدىغانلىقىغا ئۈمىد باغلىمايدۇ، ئۇلارنىڭ تەقدىرىگە قىلىچتا ئۆلۈش پۈتۈلگەندۇر. ئۇلار سەرسان بولۇپ، يېمەكلىككە زار بولىدۇ، زۇلمەتلىك كۈنلەرنىڭ يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى تۇيىدۇ. جاپا ۋە ئازاب ئۇلارنى ۋەھىمىگە سېلىپ، خۇددى ھۇجۇم قىلماقچى بولغان پادىشاھقا ئوخشاش، ئۇلارغا قورقۇنچ سالىدۇ. چۈنكى ئۇلار خۇداغا مۇشت ئېتىپ، ھەممىگە قادىر خۇدا بىلەن قارشىلاشتى. ئۇلار قوللىرىغا قېلىن قالقانلىرىنى ئېلىپ، مەغرۇرلانغان ھالدا خۇداغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئۇلارنىڭ يۈزى گۆشكە، بېلى مايغا تولغانىدى. ئۇلار خارابىغا ئايلانغان شەھەرلەردە، يەنى ۋەيران قىلىنىدىغان ئۆيلەردە ياشايدۇ. ئۇلار ئەمدى باياشات ياشىيالمايدۇ، بايلىقى ئۇلاردىن تارتىۋېلىنىدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ يەر يۈزىدە سايىسىمۇ قالمايدۇ. ئۇلار زۇلمەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، قۇياشنىڭ ھارارىتى ئۇلارنىڭ شاخلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ، خۇدانىڭ نەپىسى ئۇلارنى ھالاك قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزىنى ئالداپ، بىھۇدىلىككە ئىشەنمىسۇن، بولمىسا بىھۇدىلىك ئۇلارنىڭ ئېرىشكەن ئىنئامى بولىدۇ. ۋاقتى كەلمەي تۇرۇپ، شاخلار قۇرۇپ كەتكەندەك، ئۇلارمۇ قۇرۇپ كېتىپ قايتا كۆكلىمەيدۇ. ئۇلار ئۈزۈملىرى پىشماي تۇرۇپ مېۋىلىرى تۆكۈلۈپ چۈشكەن ئۈزۈم تېلىغا ئوخشايدۇ. ئۇ چېچىكى ئېچىلىپلا توزۇپ كەتكەن زەيتۇن دەرىخىگە ئوخشايدۇ. ئىمانسىزلار ئەۋلاد قالدۇرالمايدۇ، پارا ئالغۇچىنىڭ چېدىرى كۆيۈپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ ھامىلىدار بولغىنى يامانلىق، تۇغقىنى گۇناھتۇر، قورسىقىدا تەييارلىغىنى ھىيلە-مىكىردۇر.» ئايۇپ جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇنداق سۆزلەرنى كۆپ ئاڭلىغانمەن، يامان تەسەللىلىرىڭلار ئادەمنى ئېچىندۇرىدۇ. قۇرۇق سۆزۈڭلار تۈگىمەمدۇ؟ نېمە ئىش سىلەرنى بۇنداق توختىماي سۆزلەشكە مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ؟ ئەگەر سىلەر مېنىڭ ئورنۇمدا بولغان بولساڭلار، مەنمۇ سىلەرگە بۇنداق سۆزلەرنى قىلالايتتىم، بېشىمنى چايقاپ، سىلەرنى ئەيىبلىيەلەيتتىم. لېكىن، مەن سىلەرگە ئىلھام بېرىدىغان سۆزلەرنى قىلىپ، تەسەللىلىرىم بىلەن ئازابىڭلارنى يەڭگىللىتەتتىم. ئەگەر رەددىيە بەرسەم ئازابىم يەڭگىللىمەيدۇ، لېكىن سۈكۈت قىلسام ئازابتا قالىمەن. ئى خۇدا، مېنى ھالىمدىن كەتكۈزدۈڭ، ئائىلەمنى ۋەيران قىلدىڭ. مېنى ئورۇقلىتىپ، قاقشال قىلدىڭ، ئورۇقلۇقۇم گۇناھىمنىڭ ئىسپاتى بولدى. خۇدا غەزىپى بىلەن تېنىمنى تىتىۋەتتى، ماڭا زىيانكەشلىك قىلدى، ئۇ ماڭا چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ، دۈشمەنلىككە تولغان غەزەپلىك كۆزلىرى بىلەن تىكىلدى. كىشىلەر مېنى مەسخىرە قىلماقتا، يۈزۈمگە شاپىلاق ئۇرۇپ كەمسىتمەكتە، بىرلىشىپ ماڭا ھۇجۇم قىلماقتا. خۇدا مېنى يامانلارغا، رەزىللەرنىڭ قولىغا تاشلاپ بەردى. ئەسلىدە مەن خاتىرجەم ئىدىم، خۇدا مېنى پارچە-پارچە قىلىۋەتتى، بوينۇمدىن ئېلىپ يەرگە ئاتتى، ئوقىغا نىشان قىلدى. ئۇنىڭ ئوقياچىلىرى مېنى ئارىغا ئېلىۋالدى، يۈرەك-باغرىمنى رەھىمسىزلەرچە تېشىپ، ئۆتۈمنى يەرگە تۆكتى. ئۇ قايتا-قايتا مېنى زەخىملەندۈرگەندە، خۇددى پالۋاندەك ماڭا ئېتىلدى. ماتەملىك كىيىم تىكىپ كىيىپ، شان-شەرىپىمنى توپىغا كۆمۈۋەتتىم. يىغىدىن مەڭزىلىرىم قىزىرىپ، قاپاقلىرىم قارىداپ كەتتى. ئەمما مەن زوراۋانلىق قىلمىدىم، دۇئالىرىم سەمىمىي بولدى. ئېھ زېمىن، قېنىمنى يوشۇرما، نىدالىرىمنى توسما. مانا، ھازىر مېنىڭ گۇۋاھچىم ئەرشتىدۇر، مېنى ئاقلىغۇچى بۈيۈكلۈكتىدۇر. دوستلىرىم مېنى مەسخىرە قىلىۋاتىدۇ، مەن خۇدا ئالدىدا ياش تۆكمەكتىمەن. خۇددى ئىنسانلار ئارىسىدا كېلىشتۈرگۈچى بولغىنىدەك، ئىنسانلار بىلەن خۇدا ئارىسىدىمۇ كېلىشتۈرگۈچى بولسىدى-ھە!؟ چۈنكى كۈنلىرىم ئاز قالدى، ئۇزاققا قالماي بارسا كەلمەس جايغا كېتىمەن.» «مەن تۈگەشتىم، كۈنلىرىم ئاز قالدى، قەبرە مېنى كۈتمەكتە. مەسخىرىچىلەر مېنى قورشىۋالدى، ئۇلارنىڭ مېنى ئەخمەق قىلىشلىرىغا قاراپ تۇرۇشۇمدىن باشقا ئامالىم يوق. ئى خۇدا، ماڭا كېپىل بولۇشۇڭنى ئۆتۈنىمەن، چۈنكى، سەندىن باشقا ھېچكىم ماڭا كېپىل بولالمايدۇ. سەن ئۇلارنىڭ ئويلىرىنى خىرەلەشتۈردۈڭ، شۇڭا سەن ئۇلارنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرمەيسەن. كىشىلەر بايلىقنى دەپ دوستلىرىغا ساتقۇنلۇق قىلسا، بالىلىرى كور بولىدۇ. خۇدا مېنى كىشىلەرنىڭ مازاق نىشانىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى، ئۇلار يۈزۈمگە تۈكۈرمەكتە. ئازاب كۆزۈمنى خىرەلەشتۈردى، ئورۇقلاپ قاقشال بولدۇم. بۇ، دۇرۇس ئادەملەرنى ئەجەبلەندۈرۈپ، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئىمانسىزلارغا قارشى تۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. ھەققانىيلار ئۆز يولىدا چىڭ تۇرىدۇ، قولى پاك ئىنسانلارنىڭ كۈچى ئاشىدۇ. قېنى، سىلەر يەنە بىر قېتىم كېلىڭلارچۇ! ئىزدىسەم ئىچىڭلاردىن بىرمۇ دانىشمەن تېپىلمايدۇ. كۈنلىرىم ئاز قالدى، ئارمانلىرىم يوق بولدى، كۆڭلۈمنىڭ ئارزۇلىرى بەربات بولدى. دوستلىرىم كېچىنى كۈندۈز دەيدۇ، ئەتراپى قاپقاراڭغۇ بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار: ‹يورۇقلۇق يېقىن› دېيىشىدۇ. ئەگەر مەن گۆرنى ئۆيۈم دەپ بىلىپ، قاراڭغۇ لەھەتكە كىرىشنى ئۈمىد قىلسام، قەبرىنى ئاتام، قۇرت-قوڭغۇزلارنى ئانا ۋە ئاچا-سىڭىللىرىم دەپ ئاتىسام، ئۇنداقتا ئۈمىدىم نەدە قالىدۇ؟ كىم مېنىڭ ئۈمىدىمنى كۆرەلەيدۇ؟ ئۈمىدىم ئۆلۈم دەرۋازىسىدىن كىرسۇنمۇ؟ تۇپراقتا مەن بىلەن بىرگە ياتسۇنمۇ؟» شۇۋاخلىق بىلداد مۇنداق دېدى: «قاچانغىچە گەپ يورغىلىتارسەن؟ ياخشى ئويلان، ئاندىن بىز پاراڭلىشايلى. نېمىشقا بىزنى ھايۋاندەك، ھېچنېمىنى بىلمەيدىغان دۆت كۆرىسەن؟ سېنىڭ بۇ ئاچچىقىڭ پەقەت ئۆزۈڭنىلا بەربات قىلىدۇ، زېمىن سېنىڭ سەۋەبىڭدىن تاشلىنىپ قالسۇنمۇ؟ تاشلار ئورنىدىن يۆتكەپ كېتىلسۇنمۇ؟ ياق، رەزىللەرنىڭ چىرىغى چوقۇم ئۆچۈرۈلۈشى كېرەك. ئۇنىڭ مەشئىلى قايتا يانمىسۇن. ئۇنىڭ چېدىرىنى قاراڭغۇلۇق قاپلىغان بولۇپ، ئۈستىدىكى چىرىغى ئۆچۈرۈلگەندۇر. رەزىللەرنىڭ كۈچلۈك پۇتلىرى ئاجىزلىشىپ قالىدۇ، ئۆز سۇيىقەستلىرى ئۇنى يىقىتىدۇ. ئۇ ئۆزى قۇرغان تورغا ئۆزى چۈشۈپ، قىلتاققا ئىلىنىدۇ. قاپقان ئۇنىڭ پۇتىنى قىسىۋالىدۇ، تۇزاق ئۇنى مەھكەم تۇتۇۋالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن توپا ئاستىغا قاپقان كۆمۈلگەن بولۇپ، يولدا ئۇنى قىلتاق كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئەتراپنى ۋەھىمە قاپلاپ، ئۇنى بارغانچە قىستاپ كەلمەكتە. ئاچلىقتىن مادارى كېتىپ، بالا-قازاغا يولۇقۇش ئالدىدا تۇرماقتا. بەدىنىنى تېرە كېسىلى قاپلاپ، ئۆلۈم ئۇنىڭ پۇت-قولىنى يېمەكتە. ئۇ تىنچ چېدىرىدىن تارتىپ چىقىرىلىپ، ئۆلۈكلەر ھۆكۈمدارىنىڭ يېنىغا ھەيدەپ ئاپىرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ چېدىرى گۈڭگۈرت چېچىپ تازىلانغاندىن كېيىن، باشقىلار كېلىپ ئۇلارنىڭ چېدىرىدا ئولتۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ يىلتىزى قۇرۇپ، شاخلىرى سولۇشۇپ قالىدۇ. ئۇلار دۇنيادىن نام-نىشانسىز غايىب بولىدۇ، ئىسمى ھېچكىمنىڭ ئېسىدە قالمايدۇ. ئۇلار يورۇقلۇقتىن قاراڭغۇلۇققا ھەيدەپ كىرىلىپ، بۇ دۇنيادىن قوغلىنىدۇ. ئۇلار جەمەتى ئىچىدە ئۇرۇق-ئەۋلادسىز قالىدۇ، ئۇنىڭ ماكانىدا ھېچكىم ھايات قالمايدۇ. ئۇنىڭ ئاقىۋىتى غەربتىكىلەرنى ھەيران قالدۇرسا، شەرقتىكىلەرنى ۋەھىمە باسىدۇ. مانا بۇ رەزىل ئادەملەرنىڭ تەقدىرى، خۇدانى تونۇمىغانلارنىڭ ئاقىۋىتىدۇر.» ئايۇپ جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «سىلەر مېنى قاچانغىچە قىينايسىلەر؟ سۆزلىرىڭلار بىلەن قاچانغىچە ئېزىسىلەر؟ مېنى توختىماي ھاقارەت قىلدىڭلار، خورلىغانلىقىڭلاردىن نومۇس قىلمىدىڭلار. ئەگەر مەن راست خاتا قىلغان بولسام، ئۇ پەقەت مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ ئىشىدۇر. ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارنى: ‹بىز سەندىن ياخشى› دەپ ئويلىساڭلار، خورلۇقلىرىم ئارقىلىق مېنى ئەيىبلىمەكچى بولساڭلار، خۇدانىڭ ماڭا ئۇۋال قىلغانلىقىنى، ماڭا قىلتاق قۇرغانلىقىنى بىلىشىڭلار كېرەك. ‹ئۇۋال بولدى› دەپ قاقشىساممۇ ھېچكىم ماڭا قۇلاق سالمىدى، ‹قۇتقۇزۇڭلار› دەپ ۋارقىرساممۇ ھېچكىم ماڭا ئادالىتىنى كۆرسەتمىدى. خۇدا ئالدىمغا تام سوقۇپ يولۇمنى توستى، يولۇمنى قاراڭغۇلۇق بىلەن قاپلاتتى. ئۇ شان-شەرىپىمنى تارتىۋالدى، بېشىمدىكى تاجىمنى ئېلىۋالدى. تاكى مەن تۈگەشكۈچە ئۇ ماڭا ھەر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىدۇ، ئۈمىدلىرىمنى خۇددى دەرەخنىڭ يىلتىزىنى قومۇرۇۋالغاندەك يوق قىلىدۇ. ئۇ ماڭا غەزەپلەندى، مېنى دۈشمەن كۆردى. ئۇنىڭ بۈيۈك قوشۇنى قىستاپ كەلدى، چېدىرىم ئەتراپىغا بارگاھ قۇرۇپ، مېنى قورشاۋغا ئالدى. قېرىنداشلىرىمنى مەندىن يىراقلاشتۇردى، تونۇشلىرىم مەندىن يۈز ئۆرۈدى. تۇغقانلىرىم مېنى تاشلاپ كەتتى، دوستلىرىم مېنى ئۇنتۇدى. مېھمانلىرىم ۋە دېدەكلىرىم ماڭا يات كىشىدەك قارايدۇ، خۇددى يات خەلقنىڭ ئادىمىدەك كۆرىدۇ. چاكارلىرىمنى چاقىرسام جاۋاب بەرمەيدۇ، يالۋۇرساممۇ كارى بولمايدۇ. ئايالىم ھىدىمدىن بىزار، قېرىنداشلىرىممۇ مەندىن نەپرەتلىنىدۇ. ھەتتا كىچىك بالىلارمۇ مېنى كۆزگە ئىلمايدۇ، ئورنۇمدىن تۇرساملا، مېنى مەسخىرە قىلىدۇ. يېقىن دوستۇممۇ ماڭا ئۆچلۈك قىلىدۇ، مەن ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرمۇ ماڭا قارشى. مەن بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالدىم، ئۆلۈم بىلەن مەن ئوتتۇرامدا پەقەت قىلدەك ئارىلىق قالدى. ئەي دوستلىرىم، ماڭا ئىچىڭلار ئاغرىسۇن، ئىچىڭلار ئاغرىسۇن! چۈنكى خۇدا مېنى ئۇردى. خۇددى خۇدا مېنى قىستىغاندەك، نېمە ئۈچۈن سىلەرمۇ مېنى قىستايسىلەر؟ نېمە ئۈچۈن مېنى غاجايسىلەر؟ سۆزلىرىمنى يېزىپ قويۇشۇڭلارنى، يازمىلارغا پۈتۈپ قويۇشۇڭلارنى، تۆمۈر بىلەن قۇرام تاشقا ئويۇپ، قوغۇشۇن بىلەن يېزىپ قۇيۇشۇڭلارنى سورايمەن، ئۇ مەڭگۈ ساقلانسۇن. قوغدىغۇچىمنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، ئۇ ئاخىر بىر كۈنى زېمىنغا دەسسەيدۇ. گەرچە تېرەم سېسىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن مەن يەنىلا ئاشۇ تېنىمدە خۇدانى كۆرىمەن. ئۇنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرىمەن، شۇنداق، ئۇنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرىمەن، قەلبىم تەشنالىققا تولغاندۇر. سىلەر: «ئاپەت يىلتىزى ئۇنىڭدا تۇرسا، بىز قانداق ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلغان بولىمىز» دەپ ئويلايسىلەر. سىلەرمۇ خۇدانىڭ قىلىچىدىن قورقۇشۇڭلار كېرەك، چۈنكى ئۇ غەزەپ ئىچىدە قىلىچ بىلەن جازالايدۇ، شۇ چاغدىلا سىلەر سوراق كۈنىنىڭ بارلىقىنى بىلىسىلەر.» نائامالىق زوفار مۇنداق دېدى: «ئىچىم تىتىلداپ، بىئارام بولۇۋاتىمەن، گەپلىرىمنى دېۋالمىغۇچە خاتىرجەم بولالمايمەن. مېنى ھاقارەتلەيدىغان ئەيىبلەشلىرىڭنى ئاڭلىدىم، ئەقلىم مېنى جاۋاب بېرىشكە قىستاۋاتىدۇ. قەدىمدىن تا ھازىرغىچە، دۇنياغا ئىنسان ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى، گۇناھكارنىڭ خۇشاللىقىنىڭ ئۇزاققا بارمايدىغانلىقىنى، ئىمانسىزنىڭ خۇشاللىقىنىڭ بىردەملىك ئىكەنلىكىنى بىلمەمتىڭ؟ گەرچە ئۇنىڭ مەغرۇرلۇقى پەلەككە يەتسىمۇ، بېشى بۇلۇتقا تاقاشسىمۇ، خۇددى ئۆزىنىڭ پوقىدەك مەڭگۈ يوقىلىدۇ، ئۇنى تونۇغانلار: ‹ئۇ نەگە كەتتى؟› دەپ سورايدۇ. ئۇ خۇددى چۈشتەك يوقايدۇ ۋە تاپقىلى بولمايدۇ، كېچىسى پەيدا بولغان خىيالدەك غايىب بولىدۇ. ئۇنى كۆرگەنلەر قايتا كۆرەلمەيدۇ، يۇرتىدىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولىدۇ. ئۇنىڭ بالا-چاقىلىرى يوقسۇللارغا تۆلەم بېرىپ، ھارام توپلىغان بايلىقلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ. گەرچە ئۇنىڭ تېنى ياشلىق كۈچىگە تولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا تۇپراققا كۆمۈلىدۇ. رەزىللىك ئۇنىڭغا تاتلىق تېتىغاچقا، ئۇنى تىلىنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇپ، ئاستا-ئاستا شۈمۈپ، تەمىنى تېتىيدۇ. رەزىللىك قورسىقىدا ئاچچىققا ئۆزگىرىپ، كۆزەينەكلىك يىلاننىڭ زەھىرىگە ئايلىنىدۇ. ئۇ يۇتۇۋالغان بايلىقلارنى قۇسۇپ چىقىرىدۇ، خۇدا ئۇنى تەتۈر ئۆرۈپ قورسىقىنى تۆكىدۇ. ئۇ كۆزەينەكلىك يىلاننىڭ زەھىرىنى سۈمۈرۈۋالىدۇ، ئۇ زەھەرلىك يىلان تەرىپىدىن چېقىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئۇ توختىماي ئېقىپ تۇرغان بال ۋە سۈزمىدىن بەھرىلىنەلمەيدۇ. ئۇ تاپقان پۇلىدىن پايدىلىنالماي قايتۇرۇپ، تۆلەمگە بېرىدۇ، سودا-سېتىق قىلىپ تاپقان بايلىقلىرىدىن ھۇزۇرلىنالمايدۇ. چۈنكى ئۇ يوقسۇللارنى ئەزدى، كارى بولماي تاشلىۋەتتى، باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىنى زورلۇق بىلەن تارتىۋالدى. ئۇ ئىنتايىن ئاچ كۆز ئىدى، ئۇنىڭ بايلىقى ئۇنى قۇتقۇزالمىدى. ئۇ ھەممىنى يۇتۇۋالغاچقا، ھېچنېمە قالمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ بەخت-سائادىتى ئۇزاققا بارمايدۇ. ئۇنىڭ توققۇزى تەل بولغاندا ئازابقا يولۇقىدۇ، ھەر خىل بالا-قازا سوڭدىشىپلا كېلىدۇ. ئۇ ئۆز قورسىقىنى تويدۇرغاندا، خۇدا ئۇنىڭغا غەزەپ ئوتىنى چاچىدۇ، ئۈستىگە زەربىلىرىنى ياغدۇرىدۇ. ئۇ تۆمۈر تىغدىن قۇتۇلۇپ قالسىمۇ، بىراق تۇچ ئوق ئۇنى تېشىپ ئۆتىدۇ. ئۆتكۈر يا ئوقى دۈمبىسىدىن تېشىپ چىققاندا، پارقىراق ئوق بېشى ئۆت خالتىسىنى يىرتىپ ئۆتكەندە، ئۇنى ۋەھىمە باسىدۇ. ئۇنىڭ بايلىقلىرى زۇلمەت ئىچىدە غايىب بولىدۇ، ئىلاھىي ئوت ئۇنى يالماپ يۇتىدۇ، چېدىرىدىكى نەرسىلىرىنى كۆيدۈرۈپ ۋەيران قىلىدۇ. ئاسمان ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى ئاشكارىلايدۇ، زېمىن ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇنى ئەيىبلەيدۇ. خۇدانىڭ غەزىپى كەلگەن كۈنى كەلكۈن ئۇنىڭ ئۆيىنى ۋەيران قىلىدۇ. بۇ، خۇدانىڭ رەزىللەرگە بېرىدىغان ئاقىۋىتىدۇر، ئۇلارغا بېرىدىغان نېسىۋىسىدۇر.» ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: «سۆزلىرىمنى ئەستايىدىل قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭلار، بۇ سىلەرنىڭ ماڭا بەرگەن تەسەللىلىرىڭلار بولسۇن. سۆزلىرىم تۈگىگۈچە چىداپ ئاڭلاڭلار، ئۇنىڭدىن كېيىن مەسخىرە قىلساڭلارمۇ ئۈلگۈرىسىلەر. ئەجەبا مەن ئىنسانلاردىن ئاغرىنىۋاتىمەنمۇ؟ تاقەتسىزلىنىشكە سەۋەبىم بار. مېنى كۆرسەڭلار ھەيران قالىسىلەر، ھاڭ-تاڭ بولۇپ، ئاغزىڭلارنى قولۇڭلاردا ئېتىۋالىسىلەر. ئەھۋالىمنى ئويلىساملا قورقۇپ كېتىمەن، پۈتۈن بەدىنىمنى تىترەك باسىدۇ. نېمە ئۈچۈن رەزىللەر ياشايدۇ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، كۈچى زورىيىدۇ؟ ئۇلارنىڭ بالا-چاقىلىرى چوڭ بولۇپ، تۇرمۇشقا چىقىدۇ، نەۋرىلىرىنىڭمۇ ئۆسۈپ چوڭ بولغانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئائىلىسى خاتىرجەم، بىخەتەردۇر، ئۇلار خۇدانىڭ جازاسىغا ئۇچرىمايدۇ. ئۇلارنىڭ بۇقىلىرى كۈچلۈكتۇر، ئىنەكلىرى زىنھار قىسىر قالمايدۇ ھەم بالىسى چۈشۈپ كەتمەيدۇ. ئۇلارنىڭ بالىلىرى سىرتلاردا خۇددى قوي پادىلىرىدەك خۇشال ھالدا سەكرىشىپ ئوينايدۇ. ئۇلار داپ بىلەن لىراغا تەڭكەش قىلىشىپ ناخشا ئېيتىشىدۇ، نەي ئاۋازىدىن شادلىنىدۇ. ئۇلار بىر ئۆمۈر بەختلىك ياشاپ، خاتىرجەم ھالدا باقىي دۇنياغا سەپەر قىلىدۇ. ئۇلار خۇداغا: ‹بىزدىن نېرى بول، سېنىڭ يولۇڭنى ئۆگەنگۈمىز يوق، كىمكەن ئۇ، ھەممىگە قادىر خۇدا دېگەن، ئۇنىڭغا نېمىشقا ئىبادەت قىلغۇدەكمىز؟ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىشنىڭ قانداق پايدىسى بار ئىكەن› دېيىشىدۇ. ئۇلار: ‹بەختىم ئۆز قولۇمدىن كەلگەن› دەپ ئويلايدۇ، لېكىن مەن ئۇلارنىڭ پىكىرىگە قەتئىي قوشۇلمايمەن. رەزىللەرنىڭ چىرىغى قاچان ئۆچۈپ باققان؟ ئۇلار قاچان بالا-قازاغا يولۇقۇپ باققان؟ خۇدانىڭ ئاچچىقى كېلىپ، ئۇلارنى قاچان جازالاپ باققان؟ ئۇلار قاچان شامالدا قالغان ساماندەك، بوران ئۇچۇرۇپ كەتكەن توپاندەك بولۇپ باققان؟ سىلەر: ‹خۇدا جازاسىنى ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا بېرىدۇ› دەيسىلەر، ئەمما مەن: ‹ئۇلارنىڭ ئۆزىنى جازالاپ، جازانىڭ تەمىنى ئۆزلىرىگە تېتىتىپ باقسۇن!› دەيمەن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھالاكىتىنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرسۇن، ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ غەزىپىنىڭ تەمىنى ئۆزلىرى تېتىسۇن. ئۇلارنىڭ ۋاقتى توشۇپ، دۇنيادىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ غېمىنى يېيەلمەيدۇ. خۇدا ئەرشتىكى ئۇلۇغلارنىمۇ سوراققا تارتالايدىغان تۇرسا، كىممۇ ئۇنىڭغا بىلىم بېرەلىسۇن؟ بەزىلەرنىڭ تاكى ئۆلگۈچە ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، خاتىرجەم، راھەت-پاراغەتتە ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ قۇۋۋىتى تولۇق، سۆڭەكلىرى بەردەم بولىدۇ. بەزىلەر ئۆلگۈچە ئازاب بىلەن ياشايدۇ، بەختنىڭ تەمىنى ئەسلا تېتىپ باقمايدۇ. ھەر ئىككىلىسى تۇپراققا كۆمۈلۈپ، قۇرت-قوڭغۇزلارغا يەم بولىدۇ. سىلەرنىڭ خىيالىڭلارنى، ماڭا ئۇۋال قىلىۋاتقان ھىيلە-مىكرىڭلارنى ياخشى بىلىمەن. سىلەر ‹زالىم ھوقۇقدارلارنىڭ ئۆيى قەيەردە، رەزىللەرنىڭ چېدىرى نەگە كەتتى؟› دەپ سورايسىلەر. ئەجەبا سىلەر يولۇچىلاردىن سوراپ باقمىغانمۇ؟ ئۇلارنىڭ پىكىرلىرىنى قوبۇل قىلىپ باقمىغانمۇ؟ شۇنداق، رەزىللەر ئاپەت كۈنىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ، خۇدانىڭ غەزەپ كۈنىدىن قېچىپ قۇتۇلالايدۇ. كىممۇ ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىنى يۈزتۇرانە ئەيىبلىيەلىسۇن، كىممۇ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا لايىق جازاسىنى بېرىدۇ؟ ئۇلار قەبرىگە كىرگەندىن كېيىنمۇ، ئۇلارنىڭ قەبرىلىرىنى باقىدىغانلار چىقىدۇ. ئۇلار سان-ساناقسىز ئۆلۈم ئۇزاتقۇچىلارنىڭ داغدۇغىسى بىلەن قەبرىستانلىققا ئېلىپ بېرىلىدۇ، داق يەرمۇ ئۇنىڭ جەسىتىگە ئارام بېرىدۇ. سىلەرنىڭ قۇرۇق گېپىڭلار ماڭا تەسەللى بېرەلەرمۇ؟ سىلەرنىڭ جاۋابىڭلار يالغانچىلىقتۇر.» تېمانلىق ئەلىفاز جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئادەم خۇداغا قانچىلىك پايدا يەتكۈزەلەيدۇ، ھەتتا ئۇ ئەقىللىق ئادەم بولغان تەقدىردىمۇ خۇداغا قانچىلىك پايدا يەتكۈزەلەيدۇ؟ ئەجەبا ھەممىگە قادىر خۇدا سېنىڭ ھەققانىيلىقىڭدىن شادلىنىپ، ئىشلىرىڭنىڭ پاكلىقىدىن پايدىغا ئېرىشەرمۇ؟ خۇدا سېنىڭ ئۇنىڭغا ئىخلاسمەن بولغانلىقىڭ ئۈچۈن، سېنى ئەيىبلەمدۇ، سوراققا تارتامدۇ؟ ئەجەبا سېنىڭ گۇناھىڭ ئېغىر، جىنايىتىڭ ھېسابسىز ئەمەسمىدۇ؟ سەن قېرىنداشلىرىڭنىڭ گۆرۈگە قويغان مال-مۈلۈكىنى سەۋەبسىز ئېلىۋالدىڭ، نامراتلارنىڭ كىيىملىرىنى تارتىۋالدىڭ. سەن چاڭقىغانلارغا سۇ، قورسىقى ئاچقانلارغا تاماق بەرمىدىڭ. سەن مەرتىۋىلىك، يەرنىڭ ئىگىسى ھەم ئۆز يېرىڭدە ياشايدىغان ئابرۇيلۇق ئادەم تۇرۇقلۇق، تۇل خوتۇنلارنى قۇرۇق قول قايتۇردۇڭ، يېتىملارنىڭ قولىنى سۇندۇردۇڭ. شۇڭا ئەتراپىڭنى تۇزاقلار قاپلاپ، سېنى تۇيۇقسىز ۋەھىمە باستى. قاراڭغۇلۇق نەزىرىڭنى توسۇۋالدى، كەلكۈن سېنى يۇتۇپ كەتتى. خۇدا ئەرىشتە ئەمەسمۇ؟ قارا، يۇلتۇزلار نېمىدېگەن ئېگىزدە-ھە! بىراق سەن: ‹خۇدا نېمىنى بىلەتتى، ئۇ قاراڭغۇلۇقنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ قانداقسىگە سوراق قىلالىسۇن؟ ئۇ ئاسمان گۇمبىزىنى چارلاپ يۈرگەندە، بۇلۇتلار ئۇنىڭ نەزىرىنى تۇسۇۋالىدىغان تۇرسا› دەيسەن. ئەجەبا سەن رەزىللەر ماڭغان كونا يولدا داۋاملىق ماڭماقچىمۇسەن؟ ئۇلار ئەجىلى توشماي تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتتى، ئۆمۈر يىلتىزلىرىنى سەل ئېقىتىپ كەتتى. ئۇلار خۇداغا: ‹بىزدىن يىراق تۇرغىن، ئەي ھەممىگە قادىر خۇدا، بىزنى زادى نېمە قىلماقچىسەن؟› دېگەنىدى. ئەمما، خۇدا يەنىلا ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى ياخشى نەرسىلەر بىلەن تولدۇرغانىدى، لېكىن مەن ئۇنداق رەزىللەرنىڭ ئوي-پىكىرلىرىگە قوشۇلمايمەن. ھەققانىيلار ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن خۇشاللىنىپ، گۇناھسىزلار ئۇلارنى مەسخىرە قىلىشىپ: ‹دۈشمەنلىرىمىز ۋەيران بولۇشتى، مال-مۈلكىنى ئوت يالماپ كەتتى› دېيىشىدۇ. شۇڭا سەن خۇداغا بويسۇنغىن، ئۇنىڭ بىلەن ئىناق ئۆتكىن، شۇ چاغدا ساڭا بەخت-سائادەت كېلىدۇ. ئۇنىڭ تەلىملىرىنى قوبۇل قىلغىن، سۆزلىرىنى قەلبىڭدە ساقلىغىن. ئەگەر سەن ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ يولىغا قايتىپ كەلسەڭ، ئەسلىڭگە كېلىسەن. گۇناھلىرىڭنى چېدىرىڭدىن يىراقلاشتۇرساڭ، ئالتۇنۇڭدىن ۋاز كەچسەڭ، ئوفىردىن كەلگەن ئالتۇنلىرىڭنىمۇ تاشلىق سايغا تاشلىساڭ، ھەممىگە قادىر خۇدا سېنىڭ ئالتۇنۇڭ، قىممەتلىك كۈمۈشۈڭ بولىدۇ. شۇندىلا سەن ھەممىگە قادىر خۇدادىن خۇشاللىق تاپالايسەن، بېشىڭنى كۆتۈرۈپ خۇداغا قارىيالايسەن. ئۇنىڭغا دۇئا قىلساڭ، ئۇ ئاڭلايدۇ، ئۇنىڭغا بەرگەن ۋەدىلىرىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرسەن. قىلماقچى بولغان ئىشلىرىڭنىڭ ھەممىسى غەلىبىلىك بولىدۇ، يوللىرىڭنى نۇر يورۇتىدۇ. كىشىلەرنىڭ قەدىرى بولمىغاندا ‹قەددىڭنى كۆتەر!› دەيسەن، خۇدا ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ. ئۇ ھەتتا گۇناھكارلارنىمۇ قۇتقۇزىدۇ، ئۇلار سېنىڭ پاكلىقىڭدىن نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ.» ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: «مەن تاكى بۈگۈنگىچە ئازاب ئىچىدە شىكايەت قىلماقتىمەن، مەن نالە قىلساممۇ، ئۇ ماڭا ئازاب سېلىۋاتىدۇ. خۇدا نەدە تۇرار؟ بىلسەم، ئۇنىڭ تۇرىدىغان يېرىگە باراتتىم. ئۇنىڭغا ئەرزىمنى ئېيتاتتىم، ئەرزىمنى تولۇق ئىسپاتلاپ سۆزلەيتتىم. ئەرزىم ھەققىدە دەۋالىشاتتىم. ئۇنىڭ ماڭا بېرىدىغان جاۋابىنى، نېمە دەيدىغانلىقىنى بىلىپ باققۇم بار. ئۇ قۇدرەتلىك تۇرۇپ، مەن بىلەن تاكاللىشارمۇ؟ ئۇنداق قىلمايدۇ، كۆڭۈل قويۇپ شىكايىتىمنى ئاڭلايدۇ. ئۇ يەردە دۇرۇس ئادەم ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلىشەلەيدۇ، ئۇ مېنى ئاقلاپ، ھۆكۈمىدىن مەڭگۈ خالاس قىلىدۇ. كۈن چىقىشقا باردىم، خۇدا ئۇ يەردە يوق ئىدى، كۈن پېتىشقا باردىم، ئۇ يەردىنمۇ ئۇنى تاپالمىدىم. ئۇ شىمالدا بىر ئىش قىلغاندىمۇ ئۇنى تاپالمىدىم، ئۇ جەنۇبقا كەلگەندىمۇ ئوخشاشلا تاپالمىدىم. لېكىن، ئۇ مېنىڭ ھەربىر ئىش-ھەرىكىتىمنى بىلىدۇ، ئۇ مېنى سىنىسا، مەن ئالتۇنغا ئوخشاش چىقىمەن. مەن ئۇنىڭ قەدىمىگە ئەگەشتىم، ئۇنىڭ يولىنى تۇتتۇم، ھېچ چەتنىمىدىم. ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىدىن چەتنىمىدىم، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى قەدىرلىشىم يېمەك-ئىچمەكلىرىمنى قەدىرلەشتىنمۇ ئېشىپ كەتتى. خۇدا قارارىدا قەتئىي تۇرىدۇ، ئۇنىڭ قارارىنى كىممۇ ئۆزگەرتەلەيدۇ؟ ئۇ ئۆزىنىڭ خالىغىنى بويىچە ئىش قىلىدۇ. ئۇ ماڭا قارشى قىلماقچى بولغان ئىشلىرىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ، ئۇنىڭ بۇنداق پىلانلىرى ناھايىتى كۆپتۇر. شۇڭا ئۇنىڭ ئالدىدا قورقۇپ، پاراكەندە بولىمەن. بۇ ئىشنى ئويلىساملا ۋەھىمىدە قالىمەن. خۇدا مېنى قورقۇتۇپ جۈرئىتىم قالمىدى، ھەممىگە قادىر خۇدا مېنى پاراكەندە قىلماقتا. ئەمما تېنىمنى زۇلمەت، يۈزۈمنى قاراڭغۇلۇق قاپلىۋالغانلىقى ئۈچۈنلا سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايمەن. ھەممىگە قادىر خۇدا نېمىشقا سوئال-سوراق كۈنىنى بەلگىلىمەيدۇ؟ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئادەمنى نېمىشقا بىكاردىن-بىكار ساقلىتىدۇ؟ رەزىللەر پاسىل تېشىنى يۆتكىۋېتىپ، يەرنى ئېلىۋالىدۇ، قويلارنى ئوغرىلاپ، ئۆز پادىلىرىغا قوشۇپ باقىدۇ. ئۇلار يېتىملارنىڭ ئېشەكلىرىنى ئېلىپ كېتىدۇ، تۇل خوتۇنلارنىڭ ئۆكۈزىنى گۆرۈگە ئېلىۋالىدۇ. ئۇلار مىسكىنلەرنى يولدىن ھەيدىۋېتىدۇ، زېمىندىكى يوقسۇللارنى يوشۇرۇنۇۋېلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. نامراتلار بالا-چاقىلىرىنى بېقىش ئۈچۈن گويا ياۋا ئېشەكلەردەك، چۆل-باياۋانلاردىن ئوزۇق ئىزدەشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئۇلار ئېتىزلاردىكى قالدۇق زىرائەتلىرىنى ئورۇۋالىدۇ، رەزىللەردىن ئېشىپ قالغان ئۈزۈملەرنى تېرىۋالىدۇ. ئۇلار كېچىلەرنى يالىڭاچ ئۆتكۈزىدۇ، ئۇلارنىڭ سوغۇقتىن دالدا قىلغۇدەك يېپىنچىلىرى يوق. ئۇلار تاغ يامغۇرلىرىدا ھۆل بولۇپ كەتسە، قىيا تاشلارنى دالدا قىلىدۇ. رەزىللەر تۇل خوتۇنلارنىڭ قۇچىقىدىكى بالىلارنى بۇلاپ كېتىدۇ، نامراتلارنىڭ بالىلىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋالىدۇ. ئۇلارنىڭ كىيىمى يوق، ئۇلار يالىڭاچ ھالدا سەرسان بولىدۇ، ئاچ قورساق ھالدا بۇغداي باغلىرىنى توشۇيدۇ. ئۇلار رەزىللەرنىڭ زەيتۇنلۇقىدا ياغ تارتىدۇ، ئۈزۈملەرنى شاراب كۆلچىكىدە دەسسەپ شاراب چىقىرىپ، چاڭقاپ كەتسىمۇ، ئۆزلىرى ئىچەلمەيدۇ. شەھەردىن سەكراتتىكىلەرنىڭ نىدالىرى ئاڭلىنىدۇ، ياردەم تەلەپ قىلغان يارىدارلارنىڭ ئىڭراشلىرى ئۈزۈلمەيدۇ. لېكىن خۇدا رەزىللەرنى جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ. يورۇقلۇق بىلەن قارشىلىشىدىغان رەزىللەر بار، ئۇلار پارلاق يولنى تونۇمايدۇ، ھەم پارلاق يولدىمۇ ماڭمايدۇ. قاتىللار تاڭ ئاتماي ئورنىدىن تۇرۇپ، نامراتلار ۋە موھتاجلارغا زىيانكەشلىك قىلىدۇ، كەچتە يەنە ئوغرىلىق قىلىدۇ. زىناخورلار قاراڭغۇ چۈشۈشنى كۈتىدۇ، ئۇلار ‹بىرسى مېنى كۆرۈپ قالمىسۇن› دەپ يۈزلىرىنى يۆگىۋالىدۇ. ئوغرىلار كېچىلىرى تام تېشىدۇ، كۈندۈزلىرى يوشۇرۇنۇۋالىدۇ. نۇر بىلەن ئۇچرىشىشنى خالىمايدۇ. تاڭ نۇرى ئۇلار ئۈچۈن زۇلمەتلىكتۇر، كېچىنىڭ قورقۇنچى ئۇلارنىڭ دوستى بولىدۇ. رەزىللەر سېسىق سۇ ئۈستىدىكى كۆپۈككە ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ يەرلىرى قارغىشقا قېلىپ، ھېچكىم ئۈزۈمزارلىقلىرىغا بارمايدۇ. قۇرغاقچىلىق ۋە ئىسسىق خۇددى قار-مۇزلارنى ئېرىتىپ كەتكەندەك، گۆرمۇ گۇناھكارلارنى يۇتۇپ كېتىدۇ. ئۇلارنى تۇغقان ئانىسىمۇ ئۇنتۇيدۇ، تېنى قۇرتلارغا يەم بولىدۇ. ئۇلارنى ئەسلەيدىغان ھېچكىم قالمايدۇ، رەزىللەر خۇددى قۇرۇپ كەتكەن دەرەختەك سۇندۇرۇۋېتىلىدۇ. رەزىللەر تۇغماس، بالىسىز ئاياللارنى خورلايدۇ، تۇل خوتۇنلارغا شەپقەت قىلمايدۇ. قۇدرەتلىك خۇدا بۇ رەزىل ھوقۇقدارلارنى سۈرۈپ ئەكېتىدۇ. خۇدا ئۇلارغا قارشى قوزغالسا، ئۇلار ئۆز جېنىنى قۇتقۇزۇشقىمۇ قۇربى يەتمەيدۇ. خۇدا ئۇلارنى بىر مەزگىل خاتىرجەملىكتىن بەھرىمەن قىلسىمۇ، لېكىن خۇدانىڭ نەزىرى ھەر دائىم ئۇلارنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ. ئۇلار قارىماققا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەندەك قىلسىمۇ، لېكىن تېزلا غايىب بولىدۇ، ئۇلار يەرگە ئۇرۇلۇپ، باشقىلاردەك ھالاك بولىدۇ. خۇددى باشاقلاردەك ئورۇپ كېتىلىدۇ. مېنىڭ دېگەنلىرىم ئەمەلىيەتتۇر، قېنى كىم ئىنكار قىلالايدۇ؟ قېنى كىم دېگەنلىرىمنىڭ يالغانلىقىنى ئىسپاتلىيالايدۇ؟» شۇۋاخلىق بىلداد جاۋابەن مۇنداق دېدى: «خۇدا ھەممىگە ھوقۇقلۇق ھەم سۈرلۈكتۇر، ئۇ ئەرىشتە تىنچلىق ئورناتقۇچىدۇر. ئۇنىڭ ساماۋى لەشكەرلىرىنىڭ سانىنى كىم سانىيالايدۇ؟ ئۇنىڭ پارلاق نۇرى قەيەرنى يورۇتمايدۇ؟ خۇدانىڭ ئالدىدا ئىنساننى قانداقمۇ ھەققانىي دېگىلى بولسۇن؟ ئايال زاتىدىن تۇغۇلغانلارنى قانداقمۇ پاك دېگىلى بولسۇن؟ ئۇنىڭ نەزىرىدە ئايمۇ ئۇنچىلىك يورۇق، يۇلتۇزمۇ ئۇنچىلىك پاك ئەمەس تۇرسا، لىچىنكىدەك ئادەمنى، قۇرتتەك ئىنساننى قانداقمۇ پاك دېگىلى بولسۇن!» ئايۇپ جاۋابەن مۇنداق دېدى: «سەن ھەقىقەتەن بىر ئاجىزغا چوڭ ياردەم قىلىپسەن! بىلىكى كۈچسىز ئادەمنى قۇتقۇزۇپسەن! ئەقىلسىزگە ئېيتقان سۆزلىرىڭ نېمىدېگەن پاراسەتلىك-ھە! سېنىڭ ھەقىقىي پاراسىتىڭ شۇنداق نامايان بولدى-دە! سەن كىمنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ سۆزلەرنى قىلالىدىڭ؟ كىمنىڭ روھى سەن ئارقىلىق سۆزلەۋاتىدۇ؟ سۇ ئاستىدىكى ئۆلۈكلەر ماكانىدا ياشايدىغان ئەرۋاھلار تىترىمەكتە، ئۆلۈكلەر ماكانى خۇدانىڭ ئالدىدا ناماياندۇر، گۆر ئاشكارىدۇر. ئۇ شىمالدىكى ئاسماننى بوشلۇق ئۈستىگە يايدى، زېمىننى بوشلۇققا ئېسىپ قويدى. ئۇ سۇلارنى بۇلۇتلار بىلەن يۆگەپ قويسىمۇ، بۇلۇت ئېغىرلىقىدىن يېرىلىپ كەتمەيدۇ. خۇدا ئاينىڭ يۈزىنى يوشۇرۇپ، ئۈستىگە بۇلۇتلارنى يايدى. ئۇ دېڭىز ئۈستىگە ئۇپۇق سىزىقى سىزىپ، يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇقنىڭ چېگراسىنى ئايرىدى. ئۇنىڭ ئەيىبلىشىدىن ئاسماننىڭ تۈۋرۈكلىرى تىترەپ، ئالاقزادە بولىدۇ. ئۇ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن دېڭىزنى تىنچىتالايدۇ، ئەقىل-پاراسىتى بىلەن راخابنى ۋەيران قىلالايدۇ. ئۇ كۆكتىكى تۇمانلارنى تارقىتىۋېتەلەيدۇ، قېچىپ كېتىۋاتقان يىلاننى قولىنى شىلتىپلا ئۆلتۈرەلەيدۇ. قارا، بۇلار ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ پەقەت كىچىك بىر قىسمىدۇر، ئاڭلىغىنىمىز پەقەت ئۇنىڭ پىچىرلاشلىرىدۇر، خالاس. ئۇنىڭ گۈلدۈرمامىدەك كۈچ-قۇدرىتىنى كىممۇ چۈشىنەلىسۇن؟» ئاندىن ئايۇپ يەنە مۇنداق دېدى: «ماڭا ئادىل مۇئامىلە قىلمىغان ھەممىگە قادىر خۇدا، قەلبىمنى قايغۇ-ھەسرەتكە تولدۇرغان مەڭگۈ ھايات خۇدا ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى: تېنىمدا جېنىم، بۇرنۇمدا خۇدا ئاتا قىلغان تىنىق بولسىلا، يامان سۆزلەر چىقماس ئاغزىمدىن، يالغانچىلىق بولماس تىلىمدا. ھېچقاچان سىلەرنىڭ ئېيتقانلىرىڭلارنى ھەق دەپ قارىمايمەن، ئۆلگۈچە ئۆزۈمنىڭ ئەيىبسىز ئىكەنلىكىمدە چىڭ تۇرىمەن. ئۆزۈمنىڭ ھەق ئىكەنلىكىدە تەۋرەنمەيمەن، مەيدانىمدىن ۋاز كەچمەيمەن، كۆڭلۈم مېنى ھەرگىز ئەيىبلىمەيدۇ. دۈشمەنلىرىمنىڭ تەقدىرى رەزىللەرنىڭكىدەك بولغاي، مەن بىلەن قارشىلاشقانلارنىڭ ئاقىۋىتى گۇناھكارلارنىڭكىدەك بولغاي. ئىمانسىزلار يوقىتىلىپ، خۇدا ئۇلارنىڭ جېنىنى ئالىدۇ، ئۇ چاغدا ئۇلاردا يەنە قانداق ئۈمىد بولسۇن؟ بالايىئاپەت ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشكەندە خۇدا ئۇلارنىڭ پەريادىغا قۇلاق سالارمۇ؟ ئۇلار ھەممىگە قادىر خۇدادىن خۇشاللىق تاپالامدۇ؟ ئۇلار ھەر ۋاقىت خۇداغا يېلىنىپ تۇرامدۇ؟ خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى سىلەرگە چۈشەندۈرەي، ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ قىلغان ئىشلىرىنى سىلەردىن يوشۇرمايمەن. ئەمەلىيەتتە سىلەرمۇ ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرگەن، شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە نېمىشقا بىمەنە گەپلەرنى قىلىسىلەر؟ تۆۋەندىكىلەر خۇدانىڭ رەزىللەرنىڭ بېشىغا سالغانلىرىدۇر، ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ زوراۋانلارغا بەرگەن جازاسىدۇر. ئۇلارنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى قانچە كۆپ بولسىمۇ بەرىبىر قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ھېچقاچان تويۇپ ئۆتمەيدۇ. ئامان قالغانلىرى ۋابا بىلەن ئۆلىدۇ، تۇل قالغان خوتۇنلىرى ئۇلارغا ھازا تۇتالمايدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ قۇم دۆۋىلىرىدەك ھەددى-ھېسابسىز كۈمۈشلىرى، لاي دۆۋىلىرىدەك سان-ساناقسىز كىيىم-كېچەكلىرى بولسىمۇ، ئۇ كىيىملەرنى ھەققانىيلار كىيىدۇ، كۈمۈشلىرىنى گۇناھسىزلار خەجلەيدۇ. رەزىللەرنىڭ سالغان ئۆيلىرى ئۆمۈچۈك تورىدەك ئاجىز، ئېتىزدىكى كەپىدەك ئىشەنچسىزدۇر. ئۇلار بۈگۈن ئاخشام ئۇخلىغاندا باي بولسا، ئەتىسى كۆزىنى ئاچقاندا نامراتتۇر! قورقۇنچ ئۇلارنى كەلكۈندەك باسىدۇ، بوران چاپقۇن كېچىدە ئۇلارنى سۈپۈرۈپ كېتىدۇ. شەرق شامىلى ئۇلارنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ، ئۇلارنى ئۆز ئورنىدىن ئېلىپ كېتىدۇ. ئۇلار شامالنىڭ كۈچىدىن قورقۇپ قاچقاندا، شامال ئۇلارغا رەھىم قىلمايدۇ. دەھشەتلىك بوران ئۇلارنى مەسخىرە قىلىپ كۈلىدۇ، پۇشتەك چېلىپ ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ.» «كۈمۈش قازىدىغان كانلار بار، ئالتۇن تاۋلايدىغان جايلار بار. تۆمۈر يەردىن قېزىپ ئېلىنىدۇ، ئېرىتىلگەن تاشتىن مىس چىقىرىلىدۇ. ئىنسانلار قاپقاراڭغۇلۇقنى يورۇتۇپ، ئەڭ چوڭقۇر يەرلىرىگە چۈشۈپ، شۇ قاراڭغۇلۇقتا رۇدا ئىزدەيدۇ. ئادەملەر ئادەمزاتسىز يىراق جايلاردا، ئادەم ئاياغ باسمىغان جايلاردا كانلار ئېچىپ، چوڭقۇرلۇقلاردا ئارقانلارغا ئېسىلىپ، پۇلاڭلىشىدۇ. يەر ئۈستىدىن ئاشلىق ئالىدۇ، يەر ئاستى بولسا يېنىپ، ئاستىن-ئۈستۈن بولىدۇ يەر ئاستىدىكى تاشلاردىن كۆك ياقۇت چىقىدۇ، قۇم ئىچىدە ئالتۇن كۆمۈلۈپ ياتىدۇ. كان يولىنى ئوۋ قۇشلىرى بىلمەيدۇ، لاچىنمۇ ئۇنى كۆرگەن ئەمەس. يىرتقۇچ ھايۋانلار ئۇ يەرلەرگە ئاياغ باسمىغان، شىرلارمۇ ئۇ يەرلەردىن ئۆتمىگەن. ئىنسانلار قاتتىق تاشلارنى تېشىپ، تاغ تۈۋىنى ئاچىدۇ. قىيا تاشلاردىن تونېل ئېچىپ، خەزىنىلەرنى تېپىپ چىقىدۇ. ئۇلار ئېقىنلارنىڭ مەنبەسىنى ئىزدەپ، بايلىقلارنى نامايان قىلىدۇ. لېكىن، دانالىق نەدىن تېپىلىدۇ؟ ئەقىل-پاراسەت قەيەردىن كېلىدۇ؟ ئەقىل-پاراسەتنىڭ قىممىتىنى ئىنسان بىلمەيدۇ، بۇ ئالەمدە ئادەم ئۇنى تاپالمايدۇ. چوڭقۇرلۇق: ‹ئۇ يوقتۇر مەندە› دەيدۇ، دېڭىز: ‹ئۇ يوقتۇر بۇ يەردە› دەيدۇ. ئەقىل-پاراسەتنى ساپ ئالتۇنغا تېگىشكىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ قىممىتىنى كۈمۈش بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ قىممىتىنى ئوفىرنىڭ ئالتۇنى، قىممەتلىك ھېقىق تاش ۋە كۆك ياقۇتنىڭ قىممىتى بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ. ئۇنى ئالتۇن ۋە گۆھەر بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، ساپ ئالتۇن ئىدىشلار بىلەن تېگىشكىلى بولمايدۇ. ئۇنى سەدەپ ۋە خىرۇستال بىلەن تەڭلەشتۈرگىلى بولمايدۇ، قىزىل ياقۇتنىڭ قىممىتىمۇ ئۇنىڭغا ئەسلا يەتمەيدۇ. ئۇنى كۇشتىن ئەكەلگەن توپاز بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، ساپ ئالتۇنمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرالمايدۇ. ئۇنداقتا، دانالىق قەيەردىن كېلىدۇ؟ ئەقىل-پاراسەتنىڭ ماكانى نەدە؟ ئۇ پىنھاندۇر، مەخلۇقاتلار كۆرەلمەس، يوشۇرۇندۇر، ئۇچار قاناتلار بايقىيالماس. ئۆلۈكلەر ماكانى ۋە ئۆلۈم دەيدۇ: ‹بىز كوچا گەپلىرىدىن ئاڭلىغان، لېكىن كۆرۈپ باقمىغان›. خۇدا بىلەر پاراسەتنىڭ يولىنى، ئۇنىڭ بار يېرىنى. چۈنكى خۇدا كۆرەر زېمىننىڭ ئۇ چېتىنى، كۆزىتەر پۈتكۈل ئالەمنى. شامالغا كۈچ، سۇغا سىغىمچانلىق، يامغۇرغا پاسىل، چاقماققا يول بېكىتىلگەندە، ئۇ تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، ئەقىل-پاراسەتنىڭ قىممىتىنى بەلگىلەپ مۇقىملىدى. خۇدا ئىنسانلارغا شۇنداق دېدى: ‹پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەنلىك دانالىقتۇر، رەزىللىكتىن يىراق تۇرۇش ئەقىل-پاراسەتتۇر.›» ئايۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇرۇنقى كۈنلىرىمگە، خۇدا ھالىمدىن خەۋەر ئالغان كۈنلىرىمگە قايتسام دەيمەن. ئۇ چاغلاردا ئۇنىڭ چىرىغى بېشىمدا يېنىپ تۇراتتى، ئۇنىڭ نۇرى قاراڭغۇدا ماڭا ھەمراھ ئىدى. ئۇ چاغلار مېنىڭ قىران چاغلىرىم ئىدى، خۇدا چېدىرىمدا يېقىن دوستۇم ئىدى. ھەممىگە قادىر خۇدا مەن بىلەن بىرگە ئىدى، بالىلىرىم ئەتراپىمدا يۈرەتتى. سۈت-قايماقلىرىم ئېشىپ-تېشىپ تۇراتتى، زەيتۇنزارلىقىمدىن زەيتۇن يېغى ئېرىق بولۇپ ئاقاتتى. شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيداندا ئولتۇرغان ئاقساقاللار ئارىسىدىن ئورۇن ئالغىنىمدا، ياشلار مېنى كۆرسە ئۆزىنى چەتكە ئالاتتى، ياشانغانلارمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ سالام قىلاتتى. بەگلەر سۆزلىرىدىن توختاپ، ئېغىزلىرىنى قوللىرى بىلەن ئېتىۋالاتتى. ئەمەلدارلارمۇ جىم بولۇشۇپ، تىللىرى تاڭلايلىرىغا چاپلىشىپ قالاتتى. سۆزۈمنى ئاڭلىغانلار بەخت تىلىشەتتى، مېنى كۆرگەنلەر ماختىشاتتى. چۈنكى، ياردەم سورىغان يوقسۇللارنى قۇتقۇزدۇم، ئىگە-چاقىسىز يېتىملەرگە ھامىي بولدۇم. سەكراتتىكى ئادەم ماڭا بەخت تىلەيتتى، تۇل خوتۇنلارنىڭ قەلبىنى شادلىققا تولدۇراتتىم. مەن ھەققانىيەتنى كىيىم قىلىپ كىيگەنىدىم، ئادالەت ماڭا يېپىنچا ۋە باش كىيىم بولغانىدى. مەن كورنىڭ كۆزى، توكۇرنىڭ پۇتى بولغانىدىم. نامراتلارغا ئاتا بولدۇم، ناتونۇشلارنى ئاقلىدىم. رەزىللەرنىڭ چىشىنى چېقىپ، ئاغزىدىن ئولجىسىنى تارتىۋالدىم. مەن: ‹كۈنلىرىم قۇمدەك كۆپتۇر، ئائىلەمدە خاتىرجەم ھالدا بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىمەن› دەپ ئويلىغانىدىم. يىلتىزىم سۇ بويىغىچە سوزۇلغانىدى، شاخلىرىم تۈن بويى شەبنەمدە يۇيۇلاتتى. شان-شەرىپىم گويا مەڭگۈ ئۆزگەرمەستەك، ئوقيايىمنى تارتىدىغان كۈچۈم يېڭىلانماقتا. كىشىلەر سۆزلىرىمنى ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلاتتى، نەسىھەت بېرىشىمنى سۈكۈتتە كۈتەتتى. سۆزلىرىمگە ھېچكىم قوشۇمچە قىلمايتتى، سۆزلىرىم ئۇلارنىڭ قەلب ئېتىزىغا نەمخۇشلۇق ئاتا قىلاتتى. ئۇلار يامغۇرغا تەلپۈنگەندەك ماڭا تەلپۈنەتتى، باھار يامغۇرىغا تەشنا بولغاندەك ئېغىزلىرىنى ئېچىشىپ قالاتتى. مەن ئۇلارغا قاراپ كۈلۈمسىرىسەم، ئۇلار ئىشىنەلمەيتتى، چېھرىمدىكى نۇرنى قەدىرلەيتتى. ئۇلارغا يول كۆرسىتىپ بېرىدىغان يېتەكچى ئىدىم، خۇددى پادىشاھ لەشكەرلىرى ئارىسىدا يۈرگەندەك ياشىغانىدىم، قايغۇرۇپ ھەسرەتتە قالغانلارنىڭ تەسەللى بەرگۈچىسى ئىدىم. ئەمدى بۈگۈن مەندىن كىچىكلەرمۇ مېنى مەسخىرە قىلىشىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىنى كۆزگە ئىلمايتتىم، ھەتتا قويلىرىمغا قارايدىغان ئىتلىرىم قاتارىدىمۇ كۆرمەيتتىم. ئۇلارنىڭ ئاتىلىرى ماجالىدىن كەتكەنلەردۇر، ماڭا ئۇلارنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟ ئۇلار ئاچ-يالىڭاچ، ئاجىز يوقسۇللار ئىدى، كېچىلىرى چۆل-باياۋانلاردا قۇرغاق يېمەكلىك غاجايتتى. ئوت-چۆپلەر ئارىسىدىن تۇزلۇق ئوت-چۆپلەرنى تېپىپ يەيتتى، چاتقاللارنىڭ يىلتىزى بىلەنمۇ ئوزۇقلىناتتى. ئۇلار كىشىلەر ئارىسىدىن ھەيدەپ چىقىرىلىپ، خۇددى ئوغرىلاردەك ئەيىبلىنەتتى. ئۇلار پەقەت قاقاس جىلغا، غار ۋە ئۆڭكۈرلەردە پاناھلىنىاتتى. ئۇلار چاتقاللىقلاردا خۇددى ياۋايى ھايۋانلاردەك ھۇۋلىشىپ، توپلىشىۋالاتتى. ئۇلار نادان، ئاتاقسىزلارنىڭ پۇشتى بولۇپ، قامچا بىلەن زېمىندىن قوغلاپ چىقىرىلغانىدى. ئەمدىلىكتە ئۇلارنىڭ بالىلىرى ناخشىلىرى بىلەن مېنى مەسخىرە قىلماقتا، مەن ئۇلارنىڭ مەسخىرە نىشانىغا ئايلىنىپ قالدىم. ئۇلار مەندىن سەسكىنىدۇ، ماڭا يېقىنلىشىشنى خالىمايدۇ، خالىغانچە يۈزۈمگە تۈكۈرىدۇ. خۇدا كۈچۈمنى كەستى، مېنى يەرگە ئۇردى، شۇڭا ئۇلار مەندىن تەپ تارتمايدۇ. بۇ مۇتتەھەملەر ماڭا ئوڭ تەرىپىمدىن ھۇجۇم قىلىپ، مېنى قېچىشقا مەجبۇر قىلماقچى ۋە يوقاتماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئۇلار يولۇمنى توراپ، ماڭا زىيانكەشلىك قىلىۋاتىدۇ، ئۇلارنى توختىتىدىغان ئادەم بولمىدى. ئۇلار خۇددى سېپىلنى بۆسۈپ ئۆتكەندەك، خارابە ئىچىدىن ماڭا ئېتىلىپ كەلدى. مېنى قورقۇنچ باستى، ئىززەت-ھۆرمىتىم شامالدا ئۇچۇپ كەتتى، نىجاتلىقىم بۇلۇتتەك تاراپ كەتتى. ئەمدى ھاياتىم ئاخىرلىشاي دېدى، ئازابلىق كۈنلەر مېنى ئىلكىگە ئالدى. كېچىدە ئۇستىخانلىرىمغا ئاغرىق گويا چىشلىگەندەك توختاۋسىز سانجىلار. خۇدا كۈچ بىلەن مەھكەم تۇتۇپ، ياقامدىن سىقتى. خۇدا مېنى پاتقاققا تاشلىۋەتتى، مەن خۇددى چاڭ-توزان ۋە كۈلدەك بولۇپ قالدىم. ئى خۇدا، نالە قىلسام جاۋاب بەرمىدىڭ، ئالدىڭدا تۇرسام قاراپ قويمىدىڭ. سەن ماڭا شەپقەتسىزلىك قىلىۋاتىسەن، قۇدرەتلىك قولۇڭ بىلەن زىيانكەشلىك قىلىۋاتىسەن. مېنى كۆتۈرۈپ شامالغا تاشلاپ بەردىڭ، قارا بوران مېنى ئۇيان-بۇيان تاشلىماقتا. بىلىمەن، سەن مېنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىسەن، بۇ سېنىڭ بارلىق ھاياتلىققا پۈتكەن قىسمىتىڭدۇر. دەرۋەقە، بەختسىزلەر قىيىن ئەھۋالدا نالە قىلسا، ھېچكىم ئۇلارغا قول ئۇزارتىپ زىيانكەشلىك قىلمايدۇ. ئەجەبا مەن جاپا چەككەنلەر ئۈچۈن يىغلىماسمەنمۇ، يۈرىكىم موھتاجلار ئۈچۈن پۇچىلانماسمۇ؟ بەختكە ئىنتىلسەم بالا-قازاغا ئۇچرىدىم، يورۇقلۇققا تەلپۈنسەم قاراڭغۇدا قالدىم. كۆڭلۈم دائىم پاراكەندە، ئېغىر كۈنلەر بېسىپ كەلمەكتە. قۇياشنىڭ نۇرى بولمىغان زۇلمەتتە يۈرۈپتىمەن، جامائەتنىڭ ئارىسىدا نالە قىلماقتىمەن. مەن چىلبۆرىنىڭ قېرىندىشى، ھۇۋقۇشنىڭ ھەمراھى بولۇپ قالدىم. قارايغان تېرىلىرىم تۆكۈلمەكتە، ئۇستىخانلىرىم ئوت بولۇپ كۆيمەكتە. لىرام ماتەم مۇزىكىسىغا جور بولماقتا، نېيىم نالە قىلماقتا.» «مەن قىز-ئاياللارغا شەھۋانىيلارچە قارىمايمەن، دەپ كۆزلىرىم بىلەن ئەھدە تۈزدۈم. ئەھدىنى بۇزسام، ئەرشتىكى خۇدانىڭ ماڭا بېرىدىغان نېسىۋىسى نېمە بولىدۇ؟ ھەممىگە قادىر ئەرشئەلادىكى خۇدانىڭ ماڭا بېرىدىغان ئۈلۈشى نېمە؟ ئەجەبا ئادالەتسىزلەرگە ئاپەت، رەزىللەرگە بالا-قازا بەرمەسمۇ؟ خۇدا ماڭىدىغان يولۇمنى كۆزىتىپ، پۈتكۈل باسقان قەدەملىرىمنى سانىماسمۇ؟ مەن قانداقسىگە ساختىلار بىلەن بىرگە سەپەر قىلىپ، قەدەملىرىم كاززاپلارغا ئەگەشسۇن؟ خۇدانىڭ مېنى ئادالەتنىڭ ئادىل تارازىسىغا سېلىپ، مېنىڭ پاك ئىكەنلىكىمنى بىلىشىنى خالايمەن. ئەگەر پۇتۇم ھەقىقەت يولىدىن چەتنەپ، كۆزلىرىم ھەۋەسكە ئىنتىلىپ، قوللىرىم جىنايەت بىلەن بۇلغانغان بولسا، زىرائەتلىرىم باشقىلارغا نېسىپ بولسۇن، ئېتىزدىكى زىرائەتلىرىمنى يىلتىزى بىلەن يۇلۇپ تاشلانسۇن. ئەگەر قەلبىم ئاياللارغا مەستانە بولۇپ، قوشنامنىڭ ئىشىكى ئالدىدا پايلاپ تۇرغان بولسام، ئايالىم باشقىلارنىڭ بۇغدىيىنى يانجىسۇن، باشقىلارنىڭ قوينىدا ياتسۇن. مەن ئاشۇنداق قىلغان بولسام، بۇ چوڭ رەزىللىك، سوتقا تارتىلىدىغان جىنايەت بولۇپ، كۆيدۈرۈپ ھالاك قىلىدىغان يالقۇنغا ئايلىنىپ، پۈتۈن بىساتىمنى يالماپ يۇتىدۇ. چاكارلىرىم ئۈستۈمدىن ئەرز قىلسىمۇ، ئادىل مۇئامىلە قىلىمەن، بولمىسا، خۇدا ھېساب ئالغاندا قانداق قىلىمەن؟ سوراق قىلغاندا قانداق جاۋاب بېرىمەن؟ مېنى ياراتقان خۇدا ئۇلارنىمۇ ياراتمىدىمۇ؟ ئۇ بىزنى ئانىمىزنىڭ قورسىقىدا ئاپىرىدە قىلمىدىمۇ؟ مەن يوقسۇللارنىڭ ئۆتۈنۈشىنى رەت قىلىپ، تۇل خوتۇنلارنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويدۇممۇ؟ ياكى تائاملىرىمنى يالغۇز ئۆزۈملا يەپ، يېتىملارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىدىممۇ؟ مەن ياشلىقىمدىنلا يېتىملارغا ئاتا بولدۇم، ئۆمرۈم بويى تۇل خوتۇنلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدىم. ئەگەر مەن بىرسىنىڭ سوغۇقتا توڭلاپ ئۆلۈۋاتقانلىقىنى، ياكى ئۇچىسى يالاڭ يوقسۇلنى كۆرۈپ تۇرۇپ، قوي يۇڭلىرىمنى ئۇنىڭ ئىسسىنىشى ئۈچۈن بەرمەستىن ئۇنى نارازى قىلغان بولسام، شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى ھوقۇقۇمدىن پايدىلىنىپ، يېتىملارغا قول كۆتۈرگەن بولسام، بېلىكىم مۈرەمدىن ئاجراپ كەتسۇن، قولۇم سۇنۇپ كەتسۇن. مەن بۇنداق ئىشلارنى قىلمىدىم، چۈنكى، مەن خۇدانىڭ بالا-قازاسىدىن قورقىمەن، ئۇنىڭ ھەيۋىسىنى كۆتۈرەلمەيمەن. ئەگەر مەن ئالتۇنغا ئۈمىد باغلاپ، ساپ ئالتۇنغا: ‹سەن مېنىڭ يۆلەنچۈكۈم› دېسەم، بايلىقىمنىڭ كۆپلۈكىدىن، مال-مۈلۈكۈمنىڭ زىيادىلىكىدىن پەخىرلەنگەن بولسام، قۇياشنىڭ پارلاق نۇرىنى، تولۇن ئاينىڭ سۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، قەلبىمدىن ئۇنىڭغا يوشۇرۇن مەستانە بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغانلىقىمنى بىلدۈرۈپ قولۇمنى سۆيسەم، سوراققا لايىق گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولاتتىم، چۈنكى بۇ ئەرشتىكى خۇدادىن تانغانلىقتۇر. مەن قانداقسىگە دۈشمەننىڭ بالاسىدىن شادلىناي، ئۇلارنىڭ قازاسىدىن خۇشاللىناي؟ مەن ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىنى تىلەپ قارغىمىدىم، ئېغىز گۇناھى ئۆتكۈزۈشتىن ساقلاندىم. مېنىڭ چېدىرىمدا تۇرغانلاردىن مېنىڭ تائام، گۆشلىرىمگە كىمنىڭ قورسىقى تويماپتۇ؟ ئىشىكىم يولدىن ئۆتكەنلەرگە ئوچۇق بولدى، ھېچكىم سىرتتا قونۇپ قالمىدى. مەن ھەرگىز گۇناھلىرىمنى قەلبىمدە ساقلىمىدىم، باشقىلارغا ئوخشاش خاتالىقلىرىمنى يوشۇرمىدىم. جامائەتتىن قورقۇپ، جەمەتىمنىڭ كەمسىتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۈن-تىنسىز، ئۆيدىن سىرتقا چىقماي يۈرمىدىم! ئەرزىمنى ئاڭلايدىغان بىرى بولسا ئىدى كاشكى! قارا، بۇ يەرگە ئىمزايىمنى قويدۇم، ھەممىگە قادىر خۇدا ماڭا جاۋاب بەرگىن! ئۈستۈمدىن ئەرز قىلغۇچى ئەرزىنى يازسۇن! مەن ئۇنى دۈمبەمگە ئارتىۋالىمەن، خۇددى تاجىدەك بېشىمغا كىيىۋالىمەن. مەن خۇددى شاھزادىلەردەك ئۇنىڭ ئالدىغا بارىمەن، قىلغان ئەتمىشلىرىمدىن ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىمەن. ئەگەر ئېتىزلىرىم ماڭا قارشى پەرياد قىلسا، ۋە چۆنەكلىرى يىغلاپ تۇرۇپ ئەرز قىلسا، ھەققىنى بەرمەي يەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى يېگەن بولسام، ياكى يەر ئىگىلىرىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولغان بولسام، بۇغداي ئورنىغا تىكەنلەر، ئارپىنىڭ ئورنىغا ياۋايى ئوت-چۆپلەر ئۆسسۇن!» شۇنىڭ بىلەن ئايۇپنىڭ سۆزلىرى تۈگىدى. ئايۇپنىڭ ئۆز نەزىرىدە ئۆزىنى ھەق دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆرگەن بۇ ئۈچ ئادەم ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىشتىن توختىدى. شۇ چاغدا رام جەمەتىدىن بولغان بۇزلۇق باراكئېلنىڭ ئوغلى ئەلىھۇنىڭ ئايۇپقا ئاچچىقى كەلدى، چۈنكى ئايۇپ ئۆز نەزىرىدە ئۆزىنى ھەق دەپ قاراپ، خۇدانى ئەيىبلىگەنىدى. ئايۇپنىڭ بۇ ئۈچ دوستىغىمۇ ئۇنىڭ ئاچچىقى كەلدى، چۈنكى ئۇلار ئايۇپقا رەددىيە بېرەلمىگەن بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئۇنى ئەيىبلەپ تۇراتتى. ئەلىھۇنىڭ يېشى ئۇلاردىن كىچىك بولغانىقى ئۈچۈن، ئۇلاردىن كېيىن پىكىر بايان قىلىشنى كۈتۈپ تۇرغانىدى. بۇ ئۈچەيلەننىڭ ئايۇپنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرەلمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئاچچىقى كەلدى. بۇزلۇق باراكئېلنىڭ ئوغلى ئەلىھۇ مۇنداق دېدى: «مەن ياش، سىلەر مەندىن چوڭ بولغاچقا، قاراشلىرىمنى بايان قىلىشقا پېتىنالمىغانىدىم. يېشى چوڭلار سۆزلىسۇن، تەجرىبىلىكلەر ئەقىل-پاراسەتلىك بولىدۇ، دەپ ئويلىغانىدىم. لېكىن ئىنسانغا ئەقىل-پاراسەت بېرىدىغىنى، ئىنساندا ياشايدىغان روھ، يەنى ھەممىگە قادىر خۇدادىن كەلگەن نەپەستۇر. ياشانغانلارنىڭ ئەقىل-پاراسەتلىك بولۇشى، يېشى چوڭلارنىڭ ھەق-ناھەقنى چۈشىنىشى ناتايىن. شۇڭا سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ بېقىڭلار، مەنمۇ قاراشلىرىمنى بايان قىلىپ باقاي. سىلەر سۆزلىگەندە جىم تۇردۇم، سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلىدىم، ھەربىر ھېكىمەتلىك سۆزلەر ھەققىدە ئويلانغىنىڭلاردا كۈتۈپ تۇردۇم. مەن ئەستايىدىل قۇلاق سېلىپ، ھېچقايسىڭلارنىڭ ئايۇپقا رەددىيە بېرەلمەيدىغانلىقىڭلارنى، ئۇنىڭغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىڭلارنى بايقىدىم. سىلەر ‹بىز ئەقىل تاپتۇق، ئايۇپنى بىز ئەمەس بەلكى خۇدا قايىل قىلسۇن› دېمەڭلار. ئايۇپ مەن بىلەن مۇنازىرىلىشىپ باقمىدى، مەن ئۇنىڭغا سىلەرگە ئوخشاش جاۋاب بەرگۈم يوق. ئۇلار ھودۇقۇپ نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي جىمىپ قالدى، ئېغىزلىرىدىن قايتا گەپمۇ چىقمىدى. ئەجەبا ئۇلار زۇۋان سۈرمەي، جىمىپ قالسا، مەنمۇ كۈتۈپ تۇرۇشۇم كېرەكمۇ؟ مەن جاۋاب بېرىشىم، ئۆزۈمنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىشىم كېرەك. ئىچىم گەپكە توشۇپ كەتتى، روھىم مېنى سۆزلەشكە ئۈندىمەكتە. ئىچىم يېرىلىپ كېتەي دەپ قالغان شاراب تۇلۇمىغا ئوخشاپ قالدى. خۇددى شارابقا لىق تولغان تۇلۇمدەك، يېرىلىپ كېتەي دېدىم. مەن ئۆزۈمنى تۇتالماي قالدىم، سۆزلىمىسەم بولمايدۇ، ئېغىز ئېچىپ جاۋاب بەرگۈم بار. مەن ھېچكىمگە يۈز-خاتىر قىلمايمەن، ھەم ھېچكىمگە خۇشامەت قىلمايمەن. مەن خۇشامەت قىلىشقا ماھىر ئەمەسمەن، ئەگەر خۇشامەت قىلىشقا ماھىر بولغان بولسام، ياراتقۇچىم مېنى بىردەمدىلا يوق قىلىۋېتەتتى.» «ئەي ئايۇپ، سۆزلىرىمگە قۇلاق سالغىن، دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغىن. مەن ئېغىز ئېچىپ سۆزلىشىم كېرەك، سۆزلەر تىلىمنىڭ ئۇچىدا تىزىلىپ تۇرۇپتۇ. سۆزلىرىم پاك قەلبىمدىن چىقىدۇ، ئېغىزىم سەمىمىيەتنى سۆزلەيدۇ. خۇدانىڭ روھى مېنى ياراتتى، ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ نەپىسى ماڭا ھايات بەردى. ئەگەر قولۇڭدىن كەلسە، ماڭا رەددىيە بەرگىن، ئورنۇڭدىن دەس تۇرۇپ، مەن بىلەن مۇنازىرىلەشكىن. خۇدانىڭ ئالدىدا پەرقىمىز يوقتۇر، مەنمۇ ساڭا ئوخشاش لايدىن يارىتىلدىم. شۇڭا سەن مەندىن قورقمىغىن، مەن ساڭا بېسىم قىلمايمەن. گەپلىرىڭ قۇلىقىمغا كىردى، ھەممە سۆزلىرىڭنى ئاڭلىدىم. مەن سېنىڭ: ‹مەن پاك، گۇناھسىزمەن، مەن ھېچقانداق يامانلىق قىلمىدىم، ئەيىبسىزمەن، خۇدا پەقەت خاتالىقلىرىمنى تاللاپ، مەن بىلەن دۈشمەنلەشتى. ئۇ پۇتلىرىمنى كىشەنلەپ، ھەممە يولۇمنى كۆزەتتى› دېگىنىڭنى ئاڭلىدىم. لېكىن مەن ساڭا جاۋاب بېرەي، سۆزلىرىڭ يولسىزلىقتۇر، چۈنكى خۇدا ئىنسانلاردىن بۈيۈكتۇر. سەن نېمىشقا خۇدا بىلەن تاكاللىشىسەن، نېمىشقا ئۇنى ‹ئەرزلىرىمگە جاۋاب بەرمەيدۇ› دەيسەن؟ خۇدا ھەر خىل ئۇسۇلدا سۆزلەيدۇ، ئەمما ئادەم بىلمەيدۇ. كىشىلەر كارىۋىتىدا قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەندە، چۈشلەر ۋە كېچىدىكى غايىبانە ئالامەتلەردە، خۇدا ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئېچىپ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن قورقۇتۇپ، گۇناھلاردىن يىراقلاشتۇرىدۇ، تەكەببۇرلۇقتىن ساقلايدۇ، روھلىرىنى چوڭقۇر گۆردىن، ھاياتىنى ئۆلۈمدىن ساقلاپ قالىدۇ. خۇدا ئىنسانلارغا ئاغرىق بېرىپ، ئادەمنىڭ ئۇستىخانلىرىنى سىرقىرىتىپ ئاغرىتىپ تەربىيەلەيدۇ. ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ، لەززەتلىك تائاملاردىنمۇ بىزار بولىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئۇ كۈنسېرى ئورۇقلاپ، قۇرۇق ئۇستىخان بولۇپ قالىدۇ. روھى گۆر ئېغىزىغا، ھاياتى ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالىدۇ. ئەگەر مىڭلىغان پەرىشتىلەر ئىچىدىن بىرى كېلىشتۈرگۈچى بولۇپ، ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ، دۇرۇس يولنى ئۆگەتسە، ۋە ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ، خۇداغا: ‹ئى خۇدا، ئۇنى قەبرىدىن قۇتقۇزغىن، مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلەش يولىنى تاپتىم› دېسە، ئۇ چاغدا، ئۇنىڭ ئەت-تېرىلىرى خۇددى بالىلارنىڭكىدەك يۇمرانلىشىپ، ياشلىق ھاياتىي كۈچى ئەسلىگە كېلىدۇ. ئۇ دۇئا قىلسا، خۇدا خۇرسەن بولىدۇ. ئۇ خۇشال ھالدا خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ، خۇدانىڭ نەزىرىدە يەنە بىر قېتىم ھەققانىي ئادەمگە ئايلىنىدۇ. ئۇ خۇشاللىقىدىن كىشىلەر ئالدىدا ناخشا ئېيتىپ: ‹مەن گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، ھەقىقەت يولىدىن چەتنەپ كەتكەن بولساممۇ، خۇدا مېنى گۇناھىمغا لايىق جازالىمىدى، ئۇ مېنى قۇتقۇزۇپ، ئۆلۈمدىن خالاس قىلىپ، ھاياتىمغا يورۇقلۇق ئاتا قىلدى› دەيدۇ. قاراڭلار، خۇدا ئىنسانلار ئۈچۈن كۆپ قېتىم شۇنداق قىلىدۇ، بىر قېتىم ئەمەس، ئىككى قېتىم ئەمەس، كۆپ قېتىم قىلىدۇ. ئۇ ئىنسانلارنى گۆر ئاغزىدىن قۇتقۇزۇپ، ھاياتىنى پارلاق نۇرغا چۆمدۈرمەكتە. ئايۇپ، سۆزلىرىمنى دىققەت بىلەن ئاڭلىغىن، ئۈن چىقارما، مەن سۆزلەي. ئەگەر سۆزۈڭ بولسا ماڭا دېگىن، سۆزلىگىن، مەن سېنىڭ گۇناھتىن ئاقلانغىنىڭنى كۆرگۈم بار. گېپىڭ بولمىسا سۆزۈمگە قۇلاق سالغىن، ئۈن چىقارما، مەن ساڭا دانالىقنى ئۆگىتەي.» ئەلىھۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئەي ئۆزىنى دانىشمەن سانايدىغانلار، سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار، ئەي ئۆزىنى ئەقىللىق دەپ ئويلىغانلار، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار. تىل تائامنىڭ تەمىنى تېتىغاندەك. قۇلاق سۆزلەرنى پەرقلەندۈرىدۇ، بىز ھەقىقەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈپ باقايلى، بىرلىكتە نېمىنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنى تونۇپ باقايلى. ئايۇپ: ‹مەن گۇناھسىز، خۇدا ماڭا ئادىل بولمىدى، گەرچە مېنىڭ يوللۇق بولسىمۇ، لېكىن مېنى يالغانچى دەپ قارىدى، ئەيىبسىز بولساممۇ، ماڭا ئەجەللىك زەربە بەردى› دەيدۇ. ئايۇپتەك يەنە بىرى بارمۇ؟ ئاغزىدىن كۇپۇرلۇق سۇدەك ئاقىدۇ. ئۇ رەزىللەرنىڭ ئارىسىدا بولدى، يامانلارغا ھەمراھ بولدى. ئۇ مۇنداق دېگەنىدى: ‹خۇدانى خۇرسەن قىلىشنىڭ ھېچبىر پايدىسى يوق›. شۇڭا ئاقىللار سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار، خۇدا ھەرگىز رەزىللىك قىلمايدۇ، ھەممىگە قادىر خۇدا ھەرگىز ئادالەتسىزلىك قىلمايدۇ. ئۇ ئادەمنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ ئىش كۆرىدۇ، ئادەمنىڭ ھەرىكىتىگە يارىشا جازا ياكى ئىنئام بېرىدۇ. خۇدا ھەرگىز رەزىللىك قىلمايدۇ، ھەممىگە قادىر خۇدا ئادالەتنى زىنھار ئاستىن-ئۈستۈن قىلمايدۇ. بىركىم ئۇنى يەر-زېمىننى باشقۇرۇشقا، بۇ دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ئەۋەتكەنمىدى؟ ئەگەر خۇدا ئۆزىنىڭ روھىنى ۋە نەپىسىنى قايتۇرۇۋېلىشنى قارار قىلسا، بارلىق ھاياتلىق بىراقلا ھالاك بولۇپ، ئىنسانلار تۇپراققا قايتقان بولار ئىدى. ئەقىللىق بولساڭ سۆزۈمنى ئاڭلا، سۆزلىرىمگە قۇلاق سال. خۇدا ئادالەتتىن نەپرەتلەنگەن بولسا، ھۆكۈمران بولالامدۇ؟ سەن ھەققانىي ۋە بۈيۈك خۇدانى ئەيىبلەمسەن؟ ئۇ پادىشاھلارنى ‹يارىماس›، ئېسىلزادىلەرنى ‹رەزىللەر› دېيەلەيدۇ. ئۇ ھۆكۈمرانلارغا يان باسمايدۇ، باينى كەمبەغەلدىن ئۈستۈن كۆرمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ھەممىنى ئۆز قولى بىلەن ئاپىرىدە قىلغاندۇر. ئۇلار توساتتىن ئۆلۈپ كېتىدۇ، تۈن يېرىمىدا بىر سىلكىنىپلا ئۆلۈپ كېتىدۇ، مۆتىۋەرلەرمۇ ئىنساننىڭ ياردىمىسىز يوق قىلىنىدۇ. خۇدا ئىنسانلارنىڭ يولىنى كۆزىتىپ، پۈتكۈل قەدەملىرىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. رەزىللەر يوشۇرۇنغۇدەك قاراڭغۇلۇق ياكى يوشۇرۇن جاي تاپالمايدۇ. خۇدانىڭ ئىنسانلارنى ئۆزىنىڭ ئالدىدا سوتلىشى ئۈچۈن تەپسىلىي كۆزىتىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. ئۇ ھوقۇقدارلارنى تەكشۈرمەستىن يىقىتىپ، ئورنىغا باشقىلارنى قويالايدۇ. ئەلۋەتتە خۇدا ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى بىلىدۇ، ئۇلارنى كېچىدە يىقىتىپ، بىتچىت قىلالايدۇ. خۇدا ئۇلارنىڭ رەزىللىكى ئۈچۈن ئۇلارنى ئوچۇق-ئاشكارا ئۇرىدۇ. چۈنكى ئۇلار خۇدادىن يۈز ئۇرۇپ، ئۇنىڭ ھەق يولىدىن چەتنىدى. ئاشۇ رەزىللەرنىڭ دەستىدىن نامراتلارنىڭ نىدالىرى خۇداغا يېتىپ باردى، ئۇ موھتاجلارنىڭ نىدالىرىنى ئاڭلايدۇ. ئەگەر خۇدا سۈكۈتتە تۇرۇۋالسا، كىممۇ ئۇنى تەنقىد قىلالايدۇ؟ ئەگەر ئۇ دىدارىنى يوشۇرۇۋالسا، كىممۇ ئۇنى كۆرەلەيدۇ؟ لېكىن مەيلى ئۇ بىر ئادەم، مەيلى بىر خەلق بولسۇن، ھەممىسىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، خەلقلەرنى قىلتاققا دەسسەتمەسلىك ئۈچۈن، ئىمانسىزلارنىڭ پادىشاھ بولۇشىغا يول قويمايدۇ. كىم خۇداغا: ‹مەن گۇناھىمنى ئۈستۈمگە ئالدىم، ئەمدى خاتالىق سادىر قىلمايمەن، بىلمەيدىغانلىرىمنى ماڭا ئۆگەتكىن، ئەگەر مەن رەزىللىك قىلغان بولسام، قايتا قىلمايمەن› دەپ باقتى؟ ئەجەبا سەن ئۇنىڭ يولىنى تۇتمىساڭ، خۇدا سېنىڭ رايىڭغا باقامدۇ؟ تاللاشقا دۇچ كەلگىنى سەن، مەن ئەمەسمەن! سەنمۇ پىكىرىڭنى دەپ باققىن. ئاقىللار ۋە سۆزۈمنى ئاڭلىغان دانىشمەنلەر مۇنداق دەيدۇ: ‹ئايۇپ بىلىمسىزلەردەك گەپ قىلدى، ئۇنىڭ سۆزلىرىدە ئەقىل-پاراسەتتىن ئەسەر يوقتۇر. ئايۇپ رەزىللەردەك جاۋاب بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئاخىرغىچە سىنالسۇن. ئايۇپ ئاسىيلىق قىلىپ، گۇناھىغا يەنە گۇناھ قوشتى، ئۇ ئارىمىزدا تۇرۇپ خۇدانى مەسخىرە قىلىپ، ئۇنىڭغا قارشى نۇرغۇن سۆزلەرنى قىلدى.›» ئەلىھۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئەي ئايۇپ، سەن: ‹مېنىڭ دۇرۇس، خۇدانىڭ خاتا› دېگەنىدىڭ، سېنىڭچە بۇ توغرىمۇ؟ سەن خۇداغا: ‹گۇناھسىزلىقىم ماڭا نېمە پايدا ئېلىپ كېلىدۇ؟ گۇناھ سادىر قىلمىسام قانداق ياخشىلىققا ئېرىشىمەن؟› دېگەنىدىڭ. ساڭا ۋە سېنىڭ دوستلىرىڭغا مەن جاۋاب بېرەي. ئاسمانغا قارا، ئېگىزدىكى بۇلۇتلارغا قاراپ باق. ئەگەر سەن گۇناھ قىلساڭ خۇداغا قانداق زەرەر يېتەر؟ گۇناھلىرىڭ دۆۋىلىنىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ خۇداغا نېمە تەسىرى بولسۇن؟ ئەگەر سەن ھەققانىي بولساڭ، خۇداغا نېمە پايدىسى بولسۇن؟ خۇدا سەندىن نېمە مەنپەئەت ئالسۇن؟ سېنىڭ گۇناھلىرىڭ پەقەت ئىنسانلارغىلا زىيان يەتكۈزىدۇ، ھەققانىيىتىڭ پەقەت پانىي دۇنيادىكى ئىنسانلارغىلا مەنپەئەت بېرىدۇ. كىشىلەر خىلمۇخىل زۇلۇملارغا ئۇچرىغاندا ۋارقىرايدۇ، ھوقۇقدارلارنىڭ بېسىمىغا دۇچ كەلگەنلەر ياردەم تىلەيدۇ. لېكىن ھېچكىم ‹مېنى ياراتقان خۇدا نەدە؟› دەپ سورىمايدۇ. خۇدا كىشىلەرنى كېچىدە ناخشا ئېيتقۇزىدۇ. ئىنساننى ھايۋاندىن ئەقىللىق ياراتقان، ئاسماندىكى قۇشلاردىنمۇ پاراسەتلىك قىلغان. لېكىن ئۇلار رەزىل ۋە ھاكاۋۇر بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ياردەم سوراپ ۋارقىرىغاندا، خۇدا ئۇلارغا جاۋاب بەرمەيدۇ. خۇدا ساختا نىدالارغا قۇلاق سالمايدۇ، ھەممىگە قادىر خۇدا ئۇلارغا پەرۋا قىلمايدۇ. شۇڭا سەن: ‹مەن خۇدانى كۆرمىدىم، مېنىڭ ئىشلىرىم ئۇنىڭ ئالدىغا يېتىپ بارغان بولسىمۇ، ئۇ مېنى ساقلىتىدۇ› دېسەڭ، ئۇ چوقۇم پەرۋا قىلمايدۇ. سەن يەنە: ‹خۇدا گۇناھكارلارغا غەزەپلىنىپ ئۇلارنى جازالىمايدۇ، ئۇلار بىلەن كارى بولمايدۇ› دەيسەن. ئەي ئايۇپ، سېنىڭ ئېغىز ئېچىپ بۇلارنى دېيىشىڭ بىمەنىلىكتۇر، كۆپ سۆزلىرىڭدە بىلىم يوقتۇر!» ئەلىھۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مۇنداق دېدى: «ماڭا يەنە ئازراق ۋاقىت بەرگىن، مەن ساڭا چۈشەندۈرۈپ بېرەي، خۇدا ئۈچۈن دەيدىغان سۆزلىرىم بار. مەن كۆپ تەرەپتىن نەقىل كەلتۈرۈپ، مېنى ياراتقان خۇدانىڭ ھەققانىيىتىنى ئىسپاتلايمەن. سۆزلىرىم ئاساسسىز ئەمەستۇر، مۇكەممەل بىلىمگە ئىگە بىرى يېنىڭدا تۇرۇپتۇ. خۇدا بۈيۈكتۇر، ئۇ ھېچكىمنى كەمسىتمەيدۇ، خۇدا بۈيۈكتۇر، ئۇ ئىرادىسىدىن يانمايدۇ. ئۇ رەزىللەرنىڭ ياشىشىغا يول قويمايدۇ، يوقسۇللارغا ئادالەت بېرىدۇ. ئۇ داۋاملىق ھەققانىيلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنى ھۆكۈمرانلار قاتارىدا ئېسىل ئورۇنلاردا ئولتۇرغۇزۇپ، مەڭگۈ ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىدۇ. ئەگەر ئۇلار كىشەنلىنىپ، ئازاب ئىسكەنجىسىدە قالغان بولسا، خۇدا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆزلىرىگە كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ۋە تەكەببۇرلۇقىنى بىلدۈرۈپ قويىدۇ. ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئېچىپ تەلىم بېرىدۇ، يامانلىقتىن يىراق تۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ. ئەگەر ئۇلار خۇداغا بويسۇنۇپ، ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلسا، بىر ئۆمۈر بەختلىك بولۇپ، كۈنلىرىنى خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ. لېكىن ئۇلار خۇداغا بويسۇنمىسا، قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ، بىلىمسىز ھالدا ھالاك بولىدۇ. ئىمانسىزلارنىڭ قەلبى غەزەپكە تولغان بولىدۇ، جازالانسىمۇ شاپائەت تىلىمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆمرى قىسقا بولىدۇ، ھاياتى نومۇس ئىچىدە تۈگىشىدۇ. خۇدا قىينالغانلارنى ئاشۇ ئازابلىرى ئارقىلىق قۇتقۇزىدۇ، مۈشكۈلاتلار بىلەن ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئاچىدۇ. خۇدا سېنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇپ، كەڭرى، ئەركىن زېمىنغا ئاپىرىپ، ئېسىل تائاملار بىلەن ھۇزۇرلاندۇرۇشنى خالايدۇ. لېكىن رەزىللەر تارتىشقا تېگىشلىك جازا سېنىڭ بېشىڭغا كېلىپ قالدى، خۇدانىڭ ئادىل ھۆكۈمىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسەن. ئاگاھ بول، ھېچكىم بايلىق بىلەن سېنى ئازدۇرمىسۇن، سەن پارىنى كۆپ ئېلىپ، ھەق يولدىن يانما. ئەجەبا، بايلىقلىرىڭ ۋە ئۆز كۈچۈڭ سېنى مۈشكۈلاتتىن قۇتۇلدۇرالامدۇ؟ تۈننىڭ كېلىشىنى، يەنى خەلق ھالاك بولىدىغان ۋاقىتنىڭ كېلىشىنى ئارزۇ قىلما. ئاگاھ بول، گۇناھ يولىنى تۇتما، چۈنكى خۇدا سېنى بۇ يولدا ماڭمىسۇن دەپ بېشىڭغا بۇ ئازابنى چۈشۈردى. قارا، خۇدا ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ئۇلۇغلىنىدۇ. كىممۇ ئۇنىڭدەك ئىنسانغا تەلىم بېرەلەيدۇ؟ كىم ئۇنىڭغا يول كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ؟ كىم ئۇنىڭغا ‹سەن خاتا قىلدىڭ› دەپ ئېيتالايدۇ؟ سەن ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى ماختاشنى ئۇنتۇما، كىشىلەر ئۇنىڭغا مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتقاندۇر. خۇدانىڭ قىلغانلىرىنى پۈتكۈل ئىنسان كۆردى، كىشىلەر يىراقتىن نەزەر سالماقتا. خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى بىلىشكە قادىر ئەمەسمىز، ئۇنىڭ يىللىرىنى سانىغىلى بولمايدۇ. خۇدا سۇ تامچىلىرىنى يىغىپ، ئۇنى يامغۇرغا ئايلاندۇرىدۇ. بۇلۇتلاردىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، ئىنسانلارنى ئۇنىڭدىن بەھرىمەن قىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇلۇتلارنى تارقىتىپ، ئۆز ماكانىدا تۇرۇپ چاقماق چاقتۇرۇشىنى كىم چۈشىنەلەيدۇ؟ ئۇنىڭ تۆت ئەتراپقا ياندۇرغان چاقماقلىرى دېڭىزنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يەرلىرىنىمۇ يورۇتالايدۇ. خۇدا مۇشۇنداق كۈچ-قۇدرىتى بىلەن خەلقلەرنى باشقۇرۇپ، ئۇلارغا مول تائام ئاتا قىلىدۇ. ئۇ چاقماقنى قوللىرىغا ئېلىپ، بەلگىلەنگەن نىشانغا ئېتىلىشىغا ئەمر قىلىدۇ. گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈرلىشى بوراننىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى جاكارلايدۇ، ھەتتا بۇنى كالىلارمۇ سېزەلەيدۇ.» «شۇڭا مېنىڭ يۈرىكىم تىترەپ، كۆكرەك قەپىسىمدە تېپىرلىماقتا. ئۇنىڭ ئاۋازىنىڭ گۈلدۈرلىشىگە قۇلاق سالغىن، ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان قاراسلىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ باققىن. چاقماقلىرىنى پۈتۈن كۆكتىن كېسىپ ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭ نۇرلىرىنى زېمىننىڭ ئەڭ چېتىگە ئاپىرىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭ ئاۋازىنىڭ گۈلدۈرلىشىنى ئاڭلىتىپ، ئۆزىنىڭ ھەيۋەتلىك ئاۋازىنى نامايان قىلىدۇ. ئۇ ئاۋاز چىقارسىلا چاقماق تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. خۇدا ئۆز ئاۋازى بىلەن ئاجايىپ گۈلدۈرماما پەيدا قىلىدۇ، بىز ئۇنىڭ قىلغان ئۇلۇغ ئىشلىرىنى چۈشىنىشكە قادىر ئەمەسمىز. خۇدا قارنى زېمىنغا، قاتتىق يامغۇرنى يەرگە تۆكۈلۈشكە بۇيرۇق قىلىش ئارقىلىق ئىشلەمچىلەرنى ئىشتىن توختىتىپ، پۈتكۈل ئىنسانلارغا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ ئىشلىرىنى بىلدۈرىدۇ. ياۋايى ھايۋانلار ئۇۋىلىرىغا كىرىۋېلىپ، ئۆڭكۈرلىرىدە قالىدۇ. بوران-چاپقۇن جەنۇبىي ئوردىسىدىن كەلسە، سوغۇق ئېقىم شىمالدىن كېلەر. خۇدانىڭ نەپىسى مۇز پەيدا قىلىپ، چەكسىز سۇ يۈزىنى مۇزلىتىدۇ. ئۇ قويۇق قارا بۇلۇتلارنى سۇ دانچىلىرىغا تولدۇرۇپ، بۇلۇتلاردىن چاقماق چاقتۇرىدۇ. بۇلۇت خۇدانىڭ بۇيرۇقى بىلەن، زېمىننىڭ ئۈستىدە ئايلىنىپ ۋە ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىپ، زېمىننى جازالايدۇ ياكى ئۇنىڭغا شەپقەت ياغدۇرىدۇ. ئەي ئايۇپ، قۇلاق سالغىن، بىر پەس جىم تۇرۇپ خۇدانىڭ ئۇلۇغ ئىشلىرى توغرۇلۇق ئويلانغىن. خۇدانىڭ قانداق بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، بۇلۇتلاردىن چاقماق چىقىرىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟! سەن مۇكەممەل بىلىمنىڭ مەنبەسى بولغان خۇدانىڭ مۆجىزىلىرىنى، يەنى بۇلۇتلارنى قانداق لەيلىتىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟! جەنۇب شامىلىدىن زېمىن تىنچىپ كەتكەندە، كىيىم بىلەن تەرلەپ كېتىسەن، بۇنىڭ نېمە ئۈچۈنلۈكىنى بىلەمسەن؟ سەنمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش، تۇچ ئەينەكتەك ئاسماننى يايالامسەن؟ خۇدا بىلەن قانداق سۆزلىشىشىمىزنى ئۆگەتكىن، بىز بولساق نادان، خۇدا بىلەن مۇنازىرىلىشىشنى بىلمەيمىز. بىر ئادەم خۇداغا، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتسا بولامدۇ؟ بۇنداق قىلىش ئۆزىنى ھالاك قىلىش ئەمەسمۇ؟ شاماللار ئاسماندىكى بۇلۇتلارنى سۈرۈپ كەتكەندىن كېيىن، قۇياشنىڭ كۈچلۈك نۇرىغا ھېچكىم قارىيالمايدۇ. خۇدا شىمالدىن ئالتۇن رەڭلىك نۇر بىلەن كېلىدۇ، ئۇلۇغ ھەيۋىسى بىلەن كېلىدۇ. ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى شۇنچىلىك چەكسىز تۇرسا، بىز ئۇنىڭغا قانداقمۇ يېقىنلىشالايمىز؟ ئۇ ھەمىشە ئادالەت ۋە ھەققانىيەت بىلەن ئىش قىلىپ، ھېچكىمگە زۇلۇم سالمايدۇ. شۇڭا كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدۇ، خۇدا ئۆزىنى دانا چاغلايدىغانلارنى ئېتىبارغا ئالمايدۇ.» شۇ چاغدا پەرۋەردىگار قۇيۇننىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئايۇپقا مۇنداق دېدى: «مېنىڭ دانالىقىمنى ئەقىلسىزلىقى بىلەن خۇنۈكلەشتۈرۈۋاتقان كىم؟ ئەركەككە ئوخشاش بېلىڭنى چىڭ باغلاپ تۇر! مەن سوئال سورايمەن، سەن جاۋاب بېرىسەن. مەن زېمىننىڭ ئۇلىنى قۇرغان ۋاقتىمدا سەن نەدە ئىدىڭ؟ ئەگەر سەن شۇنچە ئەقىللىق بولساڭ، ماڭا دېگىن. زېمىننىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى كىمنىڭ بەلگىلىگەنلىكىنى بىلەمسەن؟ كىم ئۆلچەم تانىسى بىلەن ئۇنى ئۆلچەپ چىقالىدى؟ زېمىننىڭ ئاستىنى نېمە تىرەپ تۇرىدۇ؟ ئۇنىڭ ئۇلىنى كىم قويدى؟ ئۇ چاغدا سۈبھىدىكى يۇلتۇزلار ناخشا ئېيتىپ، ئەرشتىكى پۈتكۈل زاتلار خۇشاللىققا چۆمگەنىدى. دېڭىز ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن ئېتىلىپ چىققاندا، ئۇنىڭ چېگراسىنى كىم بەلگىلىگەنىدى؟ دېڭىزنى بۇلۇتلار بىلەن يېپىپ، ئۇنى قاراڭغۇلۇق بىلەن ئوراپ قويغان مەن ئىدىم. ئۇنىڭغا چېگرا بەلگىلەپ، دەرۋازا، ئىشىكلىرىنى يېپىپ، ‹بولدى قىل، پاسىلىڭدىن ئېشىپ كەتمە، ئەسەبىي دولقۇنلىرىڭمۇ مۇشۇ يەردە توختىسۇن!› دېدىم. سەن ئۆمرۈڭدە تاڭنىڭ ئېتىشىغا بۇيرۇق بېرىپ، سەھەر نۇرىغا ئورۇن ھازىرلاپ، زېمىنغا قۇياش نۇرىنى چېچىپ، رەزىللەرنى يوشۇرۇنۇۋالغان يېرىدىن چىقىرىپ باقتىڭمۇ؟ خۇددى پاتقاققا بېسىلغان تامغا، نېپىز رەخت ئاستىدىن كۆرۈنگەن شەكىلدەك، نۇر زېمىننى يورۇتقاندا جىلغا ۋە تاغلار ئېنىق كۆرۈنىدۇ. نۇر رەزىللەر ياخشى كۆرگەن قاراڭغۇلۇقنى قوغلىۋېتىدۇ، ئۇلارنىڭ زوراۋانلىق قىلىشقا كۆتۈرگەن قوللىرى سۇندۇرۇلىدۇ. ئەي ئايۇپ، سەن دېڭىزنىڭ تەكتىدىكى بۇلاقلارغا بېرىپ، ئۇنىڭ چوڭقۇر تېگىگە يېتىپ باققانمۇ؟ ئۆلۈم دەرۋازىلىرى ساڭا كۆرۈنۈپ باققانمۇ؟ زۇلمەت دەرۋازىلىرىنى سەن كۆرۈپ باققانمۇ؟ زېمىننىڭ قانچىلىك چوڭلۇقىنى بىلەمسەن؟ ئەگەر بىلسەڭ، ماڭا دەپ بەر. قايسى يول سېنى نۇرنىڭ ماكانىغا باشلاپ بارىدۇ؟ قاراڭغۇلۇقنىڭ مەنبەسىنىڭ نەدىلىكىنى بىلەمسەن؟ سەن ئۇلارنى ئۆز ماكانلىرىغا ئېلىپ بارالامسەن؟ سەن ئۇ يەرلەرگە تۇتىشىدىغان يوللارنى بىلەمسەن؟ چوقۇم بىلىسەن، چۈنكى سەن ئۇ چاغدا تۇغۇلۇپ بولغان ئەمەسمىدىڭ؟! ئۆمرۈڭمۇ ناھايىتى ئۇزۇن بولدى. قار ئامبارلىرىغا كىرىپ باققانمىدىڭ، ياكى مۆلدۈر ئامبارلىرىنى كۆرگەنمىدىڭ؟ مەن ئۇلارنى كېلىدىغان ئاپەتلەر، بولىدىغان جەڭ-ئۇرۇشلار ئۈچۈن ساقلاپ قويغانىدىم. چاقماق مەنبەسىگە ئېلىپ بارىدىغان يول قېنى؟ شەرق شامىلى قايسى تەرەپتىن زېمىنغا ئۇرۇلدى؟ شەرق شامىلىنىڭ چىقىدىغان جايى قەيەردە؟ كىم يامغۇر سۈيى ئۈچۈن ئۆستەڭ چېپىپ، چاقماق ئۈچۈن يول ئېچىپ، يامغۇر سۈيىنى ئىنسان يوق قاقاسلىققا، ئادەم تۇرمايدىغان باياۋانغا باشلاپ كېلىپ، چاڭقىغان يەرلەرنى سۇغا قاندۇرۇپ، ئۇ يەردىن گىياھلارنى ئۆستۈردى؟ يامغۇرنىڭ ئاتىسى بارمۇ؟ شەبنەمنى كىم تۇغدى؟ مۇز كىمنىڭ ھامىلىسى؟ ئاسماندىن چۈشكەن قىروۋلارنى كىم تۇغدى؟ سۇ تاشتەك قاتتىق قېتىپ، دېڭىزنىڭ ئۈستى مۇزغا ئايلىنىدۇ. سەن ئۈكەر يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى يۇلتۇزلارنى بىر-بىرىگە چېتىپ، ئورىيون يۇلتۇز تۈركۈمىنى باغلاپ تۇرغان تۈگۈچنى يېشەلەمسەن؟ سەن يۇلتۇز تۈركۈملىرىنى پەسىللەر بويىچە ئېلىپ چىقىپ، چوڭ ئېيىق ۋە كىچىك ئېيىق يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى يۇلتۇزلارغا يول كۆرسىتەلەمسەن؟ ئەرشتىكى بەلگىلەنگەن قانۇنىيەتلەرنى بىلەمسەن؟ زېمىننى ئەرشنىڭ قانۇنىغا بويسۇندۇرالامسەن؟ بۇلۇتلارغا بۇيرۇق قىلىپ، ئۈستۈڭگە قاتتىق يامغۇر ياغدۇرالامسەن؟ چاقماقلارغا بۇيرۇق قىلالامسەن؟ ئۇلار: ‹خوپ، بىز تەييار!› دەپ، ئالدىڭغا يۈگۈرۈپ كېلەمدۇ؟ كىم تۇرنىغا ئەقىل بېرىپ، خورازغا پاراسەت ئاتا قىلغان؟ قاغىنىڭ بالىلىرى ئاچلىقتىن ئۇياق-بۇياققا ئۇچۇپ، خۇداغا نالە قىلغاندا، كىم قاغىغا يەم بېرىدۇ؟ ياۋا ئۆچكىنىڭ قاچان ئوغلاقلايدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟ ئانا بۇغىنىڭ تۇغقانلىقىنى كۆرگەنمۇ؟ ئۇلارنىڭ قانچە ۋاقىت قورساق كۆتۈرىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟ ئۇلارنىڭ قاچان تۇغىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟ ئۇلار تىزلىنىپ تۇغىدۇ، بالىلىرىنى دۇنياغا كەلتۈرىدۇ. بالىلىرى يېتىلىپ، قاقاس دالادا چوڭ بولۇپ، ئۆز توپىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن قايتا قايتىپ كەلمەيدۇ. كىم ياۋا ئېشەكنى ئەركىنلىككە چىقىرىدۇ؟ كىم ئۇنىڭ ئارغامچىسىنى يېشىدۇ؟ مەن ئۇنىڭغا كەڭ دالانى ئائىلە، شورلۇقلارنى ماكان قىلىپ بەردىم. ئۇ شەھەردىكى شاۋقۇن-سۈرەنلەرنى مەسخىرە قىلىدۇ، مال ھەيدىگۈچىلەرنىڭ ۋارقىراشلىرىنى ئاڭلىمايدۇ. ئۇ تاغ تىزمىلىرىنى يايلاق قىلىپ، يېشىل ئوت-چۆپلەرنى ئىزدەيدۇ. ياۋا كالا خىزمىتىڭدە بولۇشقا رازى بولامدۇ؟ ئېغىلىڭدا كېچىنى ئۆتكۈزۈشنى خالامدۇ؟ ياۋا كالىنى ساپانغا قاتالامسەن؟ ئۇ سەن بىلەن جىلغىدا يەر ئاغدۇرۇشقا كۆنەمدۇ؟ ئۇنىڭ كۈچتۈڭگۈرلۈكىگە تايىنىپ، ئېغىر ئىشلىرىڭنى ئۇنىڭغا قىلدۇرالامسەن؟ ئۇنىڭ بىلەن ھوسۇلۇڭنى يىغىپ، خامانغا ئەكېلىشكە ئىشىنەلەمسەن؟ تۆگە قۇش قانات قاققىنى بىلەن لەيلەكتەك ئۇچالامدۇ؟ ئۇ تۇخۇملىرىنى يەرگە تۇغۇپ، قۇمنىڭ ئىسسىقىغا ئېرىشكىنى بىلەن، بىراق تۇخۇمىنىڭ يانجىلىپ سۇنۇپ كېتىشىنى، ياكى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ دەسسىۋېتىشىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. تۆگە قۇش ئۆز بالىلىرىغا رەھىمسىزلەرچە مۇئامىلە قىلىدۇ، خۇددى بالىلىرى ئۆزىنىڭ ئەمەستەك ئىش قىلىدۇ. مەيلى تۇغۇشى بىھۇدە ئىشتەك، ئۇ بۇنىڭغا ئانچە پەرۋا قىلمايدۇ. ئۇنىڭ تۇغۇتى بىھۇدە ئىشتەك، ئۇ بۇنىڭغا ئانچە پەرۋا قىلمايدۇ. چۈنكى مەن ئۇنىڭغا ئەقىل ئاتا قىلمىغان، ئىدراك بەرمىگەنىدىم. لېكىن ئۇ قانىتىنى كېرىپ يۈگۈرسە، ئات ۋە چەۋەندازلارنى مەسخىرە قىلىدۇ. ئاتقا كۈچنى سەن ئاتا قىلغانمىدىڭ؟ بوينىدىكى يالىنى سەن ياپقانمىدىڭ؟ ئۇنى چېكەتكىدەك تاقلىتىپ، قورقۇنچلۇق كىشنەتكەن سەنمۇ؟ ئۇ جىلغىدا يەرنى تاتىلاپ، ھەيۋە بىلەن جەڭگە ئېتىلىدۇ. ئۇ قورقۇنچنى مەنسىتمەيدۇ، قىلچە قورقمايدۇ، قىلىچتىن يانمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ئوقدان جاراڭشىيدۇ، نەيزىلەر يالت-يۇلت قىلىپ چاقنايدۇ. بۇرغا چېلىنىشى بىلەن ئۇ ئورنىدا جىم تۇرالمايدۇ، ئەسەبىيلىشىپ، چېپىشقا ئالدىراپ يەرنى تېپچەكلەيدۇ. ئۇ بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلىشى بىلەن كىشنەيدۇ، يىراقتىنلا ئۇرۇشنىڭ پۇراقلىرىنى پۇراپ، چۇقان-سۈرەن ۋە سەركەردىلەرنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئاڭلايدۇ. شۇڭقارلار قانات قېقىپ، جەنۇبقا ئۇچۇپ كېتىدۇ، ئەجەبا بۇمۇ سېنىڭ ئەقلىڭمۇ؟ بۈركۈتلەر تېز كۆتۈرۈلۈپ، ئېگىز جايلارغا ئۇۋا سالىدۇ، ئەجەبا بۇمۇ سېنىڭ بۇيرۇقۇڭمۇ؟ ئۇ ئېگىز ھاڭلاردا ماكان تۇتىدۇ، قىيا تاش، تىك يارلارغا بېكىنىۋالىدۇ. ئۇ شۇ يەرلەردىن ئوزۇق ئىزدەپ، نەزىرىنى يىراقلارغا تىكىدۇ. ئۇنىڭ بالىلىرى قان شورايدۇ، نەدە تاپ بولسا ئۇ شۇ يەردە يۈرىدۇ.» پەرۋەردىگار ئايۇپقا يەنە مۇنداق دېدى: «ئەي تاكاللاشقۇچى، ھەممىگە قادىر مەن خۇدايىڭ بىلەن يەنە تاكاللاشماقچىمۇسەن؟ خۇدا بىلەن جاۋابلاشقۇچى ئەمدى جاۋاب بەرگىنە.» ئايۇپ پەرۋەردىگارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئەرزىمەس بىر ئادەم، ساڭا قانداقمۇ جاۋاب بېرەلەيمەن؟ مەن پەقەت قولۇم بىلەن ئاغزىمنى ئېتىۋېلىشىم كېرەك. كۆپ گەپ قىلدىم، ئەمدى باشقا گېپىم يوق.» شۇ چاغدا پەرۋەردىگار قۇيۇننىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئايۇپقا مۇنداق دېدى: «ئەركەككە ئوخشاش بېلىڭنى چىڭ باغلاپ تۇر! مەن سوئال سورايمەن، سەن جاۋاب بېرىسەن. سەن مېنىڭ ئادالىتىمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۆزۈڭنى ئادىل دەپ، مېنى ئەيىبلىمەكچىمۇ؟ سەندە مەن خۇدايىڭنىڭكىدەك بىلەك بارمۇ؟ سېنىڭ ئاۋازىڭ مېنىڭ گۈلدۈرمامىغا ئوخشايدىغان ئاۋازىمدەك ئاڭلىنامدۇ؟ شان-شەرەپ ۋە سالاپىتىڭنى كۆرسىتىپ، ھۆرمەت ۋە ھەيۋىتىڭنى كىيىپ باققىنا. كۈچلۈك غەزىپىڭنى قوزغاپ ياغدۇرۇپ باققىنا، ھاكاۋۇرلارنى تېپىپ، ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى يوقىتىپ باققىنا. ھاكاۋۇرلارنى تېپىپ، ئۇلارنى بويسۇندۇرۇپ كەمتەر قىلغىن، رەزىللەرنى ئۆز يېرىدە دەسسەپ چەيلىگىن. ئۇلارنى بىرلىكتە يەرگە كۆمۈپ، گۆرنىڭ ئاغزىنى ئېتىۋەت. شۇنداق قىلساڭلا، ئوڭ قولۇڭنىڭ ئۆزۈڭنى قۇتقۇزالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بىھېموتقا قارا، ئۇنىمۇ، سېنىمۇ مەن ياراتقان، ئۇ كالىغا ئوخشاش چۆپ يەيدۇ. ئۇنىڭ بېلىنىڭ مادارىغا قارا، قورساق مۇسكۇللىرىنىڭ كۈچىنى كۆر. قۇيرۇقى كېدىر دەرىخىدەك قاتتىق، پۇتىنىڭ پەيلىرى چىڭ، ئۇستىخانلىرى تۇچ نوردەك، تۆت پۇتى تۆمۈر كۆتەكتەك تۇرىدۇ. مەن ياراتقان جانىۋارلار ئىچىدە ئۇ ھەممىدىن بۈيۈكى بولۇپ، پەقەت مەن ياراتقۇچى خۇدالا ئۇنى قىلىچىم بىلەن يېڭەلەيمەن. تاغ تىزمىلىرى ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق ماكانىدۇر، ئۇ يەردە نۇرغۇنلىغان ياۋايى ھايۋانلار ئوينار. ئۇ چاتقاللارنىڭ ئاستىدا ياتىدۇ، سازلىقتىكى قومۇشلار ئارىسىغا يوشۇرۇنىدۇ. چاتقاللار ئۇنىڭغا سايە بەرسە، ئېرىق بويلىرىدىكى سۆگەتلەر ئۇنى قورشاپ تۇرىدۇ. دەريا سۈيى شىددەتلىك ئاقسىمۇ ئۇ ھودۇقۇپ كەتمەيدۇ، ئىئوردان دەرياسى تېشىپ قىرغاقلىرىغىچە كۆتۈرۈلسىمۇ، ئۇ ئەنسىرەپ كەتمەيدۇ. ئۇ سەگەك ۋاقتىدا ئۇنى كىم تۇتالايدۇ ياكى ئۇنىڭ بۇرنىغا كىم ھالقا ئۆتكۈزەلەيدۇ؟» «قارماق بىلەن لىۋياتاننى تۇتۇپ، تىلىنى يىپ بىلەن باغلىيالامسەن؟ بۇرنىدىن چۈلۈك، ئېڭىكىدىن قارماق ئۆتكۈزەلەمسەن؟ ئۇ سەندىن توختىماي رەھىم تىلەپ، ساڭا ئىللىق سۆزلەرنى قىلامدۇ؟ ئۇ سەن بىلەن ۋەدىلىشىپ، مەڭگۈ قۇلۇڭ بولامدۇ؟ ئۇنى قۇشنى ئوينىغاندەك ئوينىيالامسەن، ياكى قىزچاقنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن باغلاپ بېرەلەمسەن؟ بېلىقچىلار ئۇنىڭغا باھا قويالامدۇ؟ سودىگەرلەر ئۇنى پارچىلاپ ساتالامدۇ؟ ئۇنىڭ تېرىسىنى نەيزە بىلەن تېشەلەمسەن؟ بېشىغا بېلىق تۇتىدىغان ئارا سانجىيالامسەن؟ ئۇنىڭغا قولۇڭنى بىر تەگكۈزسەڭلا ئۇنىڭ قانچىلىك قارشىلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلىسەن، قولۇڭنى قايتا ئاپىرالمايسەن. ئۇنى تۇتماقچى بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۈمىدسىزلىنىدۇ، كىشىلەر ئۇنى كۆرگەن ھامان قورقۇپ جېنى چىقىپ كېتىدۇ. قانچە ۋەھشىي ئادەم بولسىمۇ ئۇنىڭ چىشىغا تېگىشكە پېتىنالمايدۇ، شۇنداق تۇرۇقلۇق كىم مېنىڭ ئالدىمدا تۇرۇشقا پېتىنالايدۇ؟ مەن تۆلەپ بەرگۈدەك كىم مېنى قەرزدار قىلىپ قويغان؟ ئالەمدىكى پۈتكۈل نەرسە مېنىڭكىدۇر. لىۋياتاننىڭ پۇت-قولى، كۈچى ۋە گۈزەل تېنى ھەققىدە سۆزلىمەي تۇرالمايمەن. كىم ئۇنىڭ تېرىسىنى سويالايدىكەن؟ كىم ئۇنىڭ ئىككى قات ساۋۇتتەك تېرىسىنى تېشەلەيدۇ؟ كىم ئۇنىڭ ئاغزىنى ئاچالايدۇ؟ ئۇنىڭ چىشلىرى شۇنچە قورقۇنچلۇقتۇر. ئۇنىڭ دۈمبىسىدىكى يول-يول تەڭگە قاسراقلار بىر-بىرىگە چىڭ چاپلانغان بولۇپ، زىچلىقىدىن ھاۋامۇ كىرەلمەيدۇ. تەڭگە قاسراقلار بىر-بىرىگە چىڭ چېتىلغان بولۇپ، ئاجرىتىش مۇمكىن ئەمەستۇر. ئۇ چۈشكۈرگەندە ئۇچقۇن چاچرايدۇ، كۆزلىرىدىن تاڭ نۇرىغا ئوخشاش نۇر چاقنايدۇ. ئاغزىدىن يالقۇن چىقىرىپ، ئوت ئۇچقۇنلىرىنى چاچرىتىدۇ. خۇددى كۆيۈۋاتقان قومۇش ئۈستىدە قايناۋاتقان قازاندەك، ئۇنىڭ بۇرنىدىن ئىس چىقىدۇ. تىنىقى ياغاچ كۆمۈرنى ياندۇرۇپ، ئاغزىدىن يالقۇن چىقىرىدۇ. بوينى قۇدرەتلىك بولۇپ، ۋەھىمە ئۇنىڭ ئالدىدا يول ئېچىپ ماڭىدۇ. تېنىدىكى قاتلاقلار بىر-بىرىگە تۇتىشىپ، شۇنچە زىچ بىرىكىپ كەتكەندۇر. يۈرىكى تاشتەك قاتتىق بولۇپ، قاتتىقلىقتا تۈگمەن تېشىدەكتۇر. ئۇ ئورنىدىن قوزغالسا باتۇرلارمۇ قورقىدۇ، ئۇنىڭ مىدىرلىشىنى كۆرۈپ چېكىنىدۇ. ئۇنى قىلىچلار توسالمايدۇ، نەيزە، خەنجەر، ئاتار نەيزىلەرمۇ ئامالسىزدۇر. ئۇ تۆمۈرنى ساماندەك، تۇچنى پور ياغاچتەك كۆرىدۇ. ئوقيا ئۇنى قورقىتالمايدۇ، سالغا تېشى پاخالدەك تۇيۇلىدۇ. توقماقنى قورايچىلىك كۆرمەيدۇ، ئېتىلغان نەيزىنى مەنسىتمەيدۇ. قورسىقى ساپال پارچىلىرىدەك ئۆتكۈر بولۇپ، پاتقاق ئۈستىدە يول-يول ئىز قالدۇرىدۇ. ئۇ چوڭقۇر قايناملارنى قازاندەك قاينىتىپ، دېڭىزنى خۇددى ماي قازىنىدەك پورۇقلىتىدۇ. ئۇ ئۈزۈپ ئۆتكەن يېرىدە دولقۇن قالدۇرۇپ، قايناملارنى ئاق چاچتەك يالتىرىتىدۇ. يەر يۈزىدە ئۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولىدىغان، ئۇنىڭدەك ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان يەنە بىر ھايۋان يوقتۇر. ئۇ ئەڭ زور ۋە مەغرۇر ھايۋانلارنى مەنسىتمەيدۇ، ئۇ پۈتكۈل تەكەببۇر ھايۋانلارنىڭ پادىشاھىدۇر.» ئايۇپ پەرۋەردىگارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ھەممىگە قادىر ئىكەنلىكىڭنى، ھېچكىم سېنىڭ مەقسەتلىرىڭنى توسالمايدىغانلىقىنى بىلىمەن. سەن: ‹مېنىڭ دانالىقىمنى ئەقىلسىزلىقى بىلەن خۇنۈكلەشتۈرۈۋاتقان كىم؟› دەپ سورىدىڭ، دەرۋەقە، مەن چۈشەنمەيدىغان ئىشلار توغرۇلۇق كۆپ گەپ قىلدىم، بۇ ئاجايىپ ئىشلارنى چۈشىنىشكە ئەقلىم يەتمەيدۇ. سەن: ‹سەن ئاڭلا، مەن سۆزلەي. مەن سوئال سورايمەن، سەن جاۋاب بەر› دېدىڭ. بۇرۇن كىشىلەردىن سەن توغرۇلۇق ئاڭلىغانىدىم، ئەمدى ئۆز كۆزلىرىم بىلەن سېنى كۆردۈم. شۇڭا مەن ئۆزۈمدىن نەپرەتلىنىمەن، توپا ۋە كۈلگە مىلىنىپ ئولتۇرۇپ توۋا قىلىمەن.» پەرۋەردىگار ئايۇپقا دەيدىغان سۆزلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، تېمانلىق ئەلىفازغا مۇنداق دېدى: _ سەن ۋە سېنىڭ ئىككى دوستۇڭغا خاپا بولدۇم، سىلەرنىڭ مەن توغرۇلۇق قىلغان سۆزلىرىڭلار خىزمەتكارىم ئايۇپنىڭكىدەك دۇرۇس بولمىدى. ئەمدى سىلەر يەتتە بۇقا ۋە يەتتە قوچقارنى خىزمەتكارىم ئايۇپنىڭ ئالدىغا ئەكېلىپ، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ مەن توغرۇلۇق قىلغان سۆزلىرىڭلار خىزمەتكارىم ئايۇپنىڭكىدەك دۇرۇس بولمىدى. خىزمەتكارىم ئايۇپ سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلسۇن، مەن ئۇنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلىپ، سىلەرنى ئەخمەقلىق قىلغىنىڭلار ئۈچۈن بېرىلىدىغان جازادىن خالاس قىلاي. شۇنىڭ بىلەن تېمانلىق ئەلىفاز، شۇۋاخلىق بىلداد، نائامالىق زوفار پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنىدەك قىلدى، پەرۋەردىگار ئايۇپنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلدى. ئايۇپ دوستلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بۇرۇنقى روناق تاپقان چاغلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭغا بۇرۇنقىغا قارىغاندا بىر ھەسسە ئارتۇق بايلىق ئاتا قىلدى. ئايۇپنىڭ قېرىنداشلىرى ۋە بۇرۇنقى دوستلىرى ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە غىزالاندى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ كەلتۈرگەن بارلىق بالايىئاپەتلىرى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ھال سورىدى، تەسەللى بەردى. ھەر بىرى ئۇنىڭغا كۈمۈش ۋە بىردىن ئالتۇن ھالقىنى ھەدىيە قىلىشتى. ئايۇپنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىدە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان بەخت-سائادەت بۇرۇنقى ھاياتىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ بولدى. ئۇ 14 مىڭ تۇياق قوي، ئالتە مىڭ تۆگە، مىڭ جۈپ ئۆكۈز، مىڭ تۇياق چىشى ئېشەككە ئىگە بولدى. ئۇ يەنە يەتتە ئوغۇل، ئۈچ قىزلىق بولدى. ئۇ چوڭ قىزىغا يىمىما، ئوتتۇرانچى قىزىغا قىزىئا، كىچىك قىزىغا قەرەن-ھاپپۇك دەپ ئىسىم قويدى. ئۇ يەردە ئايۇپنىڭ ئۈچ قىزىغا ئوخشاش مۇنداق چىرايلىق قىزلار يوق ئىدى. ئايۇپ ئۇلارغا، ئاكىلىرىغا ئوخشاش مىراس قالدۇرۇپ، مال-مۈلۈكىدىن بەھرىمەن قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئايۇپ يەنە 140 يىل ياشاپ، ئەۋرە كۆردى. ئايۇپ قېرىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئۆز ئەجىلى بىلەن ۋاپات بولدى. نەقەدەر بەختلىك ھە! يامانلارنىڭ سالاسىغا كىرمىگۈچى، گۇناھكارلارنىڭ يولىدا ماڭمىغۇچى، مەسخىرىچىلەر ئارىسىدا يۈرمىگۈچى. پەرۋەردىگارنىڭ تەلىملىرىدىن سۆيۈنچ تاپىدۇ ئۇلار، كېچە-كۈندۈز شۇ تەلىملەر ھەققىدە پىكىر قىلار. ئۇ گويا دەرەختۇر تىكىلگەن ئېرىق بويىغا، ئۆز پەسلىدە مېۋىلەرنى بېرىپ تۇرار. سولاشماس ئەسلا يوپۇرماقلىرى، ھەممە ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولار. بىراق يامانلار ئوخشىماس ئۇلارغا، ئۇلار ئوخشار شامالدا سورۇلغان توپانغا. باش كۆتۈرەلمەس يامانلار خۇدانىڭ سورىقىدا، گۇناھكارلار تۇرالماس ھەققانىيلار قاتارىدا. پەرۋەردىگار يورۇتار ھەققانىيلار يولىنى، يامانلار يولى باشلار ھالاكەتكە ئۇلارنى. نېچۈن قۇتۇرار خەلقلەر؟ نېچۈن ئىشقا ئاشمايدىغان سۇيىقەست ئويلار ئادەملەر؟ سەپ تۈزۈشۈپ جاھاندىكى پادىشاھلار، ئورا كولىشىپ بىرلىكتە ھۆكۈمدارلار، پەرۋەردىگار ۋە ئۇ تاللىغان پادىشاھقا قارشى تۇرار. دەيدۇ ئۇلار: «ئۈزۈپ تاشلاپ ئۇلار سالغان كىشەنلەرنى، چۆرۈۋېتەيلى بوينىمىزدىكى سىرتماقلارنى.» مانا كۈلمەكتە، ئولتۇرغۇچى ئەرش تەختىدە، پەرۋەردىگار قىلماقتا ئۇلارنى مەسخىرە. ئەيىبلەر ئۇلارنى غەزەپ بىلەن، ۋەھىمىگە سالار قەھرى بىلەن. دەيدۇ ئۇ: «ئۆز مۇقەددەس تېغىمدا _ تەختكە ئولتۇرغۇزدۇم پادىشاھىمنى سىئوندا.» ئېلان قىلاي پەرۋەردىگارنىڭ پەرمانىنى، دېدى ئۇ ماڭا: «سەن مېنىڭ ئوغلۇمسەن، جاكارلىدىم بۈگۈن سېنىڭ ئاتاڭ ئىكەنلىكىمنى. سورا مەندىن، بېرىمەن ئىلكىڭگە بارچە خەلقنى، تەئەللۇق قىلىمەن ساڭا پۈتۈن زېمىننى. تۆمۈر كالتەك بىلەن ۋەيران قىلىسەن قارشىلاشقانلارنى، ساپال قاچىنى چاققاندەك پارە-پارە قىلىسەن ئۇلارنى.» ئەقلىڭلارنى تېپىڭلار ئەمدى، ئەي پادىشاھلار، ئاگاھ بولۇڭلار جاھاندىكى ھۆكۈمرانلار. پەرۋەردىگارغا ئەيمىنىپ ئىتائەت قىلىڭلار، شادلىنىڭلار ھەم خۇدادىن قورقۇڭلار. ئاچچىقلانمىسۇن، باش ئېگىڭلار ئوغلىغا، تۇتسا ئۇنىڭ غەزىپى بىردىنلا، ھالاك بولىسىلەر ماڭغان يولۇڭلاردا. نەقەدەر بەختلىكتۇر پاناھ تاپقانلار ئۇنىڭدا. نەقەدەر كۆپتۇر رەقىبلىرىم، ئى پەرۋەردىگار، شۇنچە جىقتۇر ماڭا قارشى چىققانلار. دېيىشەر نۇرغۇن كىشىلەر ئۈستۈمدىن: «يوقتۇر ئۇنىڭغا نىجاتلىق خۇدادىن.» ئەمما، ئى پەرۋەردىگار قالقىنىمدۇرسەن، شان-شۆھرىتىم، قەددىمنى كۆتۈرگۈچىسەن. پەرياد قىلغانىدىم يۇقىرى ئاۋازدا پەرۋەردىگارغا، ئۇ جاۋاب بەردى مۇقەددەس سىئون تېغىدىن ماڭا. ساقلىغاچ مېنى خۇدا ئۆز پاناھىدا، ياتسام كېتىمەن بەخىرامان ئۇيقۇغا، تىنچ-ئامان ئويغىنىمەن يەنە تاڭدا. قورقماسمەن مىڭلىغان كىشىلەردىن، ئۇلارنىڭ ھەر تەرەپتىن قىلغان ھۇجۇمىدىن. ئى پەرۋەردىگار، ياردەمگە كەلگىن، ئى ئىلاھىم، مېنى قۇتقۇزغىن. تەستىكىگە سالىسەن رەقىبلىرىمنىڭ، چىشلىرىنى سۇندۇرىسەن رەزىللەرنىڭ. ئى پەرۋەردىگار، سەندىن كېلەر نىجاتلىق، ئۆز خەلقىڭنى قىلغايسەن بەرىكەتلىك. جاۋاب بەرگىن، نىدا قىلسام ساڭا، ئېھ مېنى ھىمايە قىلغۇچى خۇدا. مېنى ئازاد قىلغانىدىڭ كۈلپەتتە قالغىنىمدا، ئاڭلىغىن دۇئايىمنى يەنە رەھىم قىلىپ ماڭا. ئەي ئىنسان بالىلىرى، قاچانغىچە دەپسەندە قىلىسىلەر مېنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىمنى، قاچانغىچە قەدىرلەيسىلەر ئاساسسىز شىكايەتلەرنى، قاچانغىچە توقۇپ چىقىسىلەر ماڭا قارشى يالغانچىلىقلارنى؟ بىلىپ قويۇڭلار شۇنى، پەرۋەردىگار تاللايدۇ تەقۋادارلارنى، ئاڭلايدۇ مېنىڭ نىدايىمنى. خۇدادىن قورقۇڭلار، گۇناھ قىلماڭلار! جىمجىت يېتىپ ئورنۇڭلاردا، بۇنى چوڭقۇر ئويلىنىڭلار! چىن دىل بىلەن قىلىڭلار قۇربانلىقلارنى، پەرۋەردىگارغا باغلاڭلار ئىشەنچىڭلارنى. سورايدۇ نۇرغۇن كىشىلەر: ياخشىلىق قىلار كىم بىزگە؟ ئېھ پەرۋەردىگار، چۈشۈرگىن جامالىڭنىڭ نۇرىنى ئۈستىمىزگە. زىيادە خۇشال قىلدىڭ كۆڭلۈمنى، شۇنچە مول بولغانلاردىنمۇ ئاشلىق ۋە شارابلىرى. ياتساملا ئۇيقۇم كېلەر بەخىرامان، چۈنكى مېنى ئامان-ئېسەن ساقلىغۇچى پەقەت سەن _ پەرۋەردىگار ئۆزۈڭدۇرسەن. ئېھ پەرۋەردىگار، قۇلاق سالغىن دۇئايىمغا، كۆڭۈل بۆلگىن ئاھۇزارىمغا. ئېھ ئىلاھىم، پادىشاھىم، يەتكىن مېنىڭ ھالىمغا، دۇئا قىلماقتىمەن چۈنكى ساڭا. ئېھ پەرۋەردىگار، ئاڭلايسەن سەھەردە ئاۋازىمنى، تاڭ بىلەن تەڭ ئىلتىجا قىلىپ كۈتىمەن جاۋابىڭنى. خۇدادۇرسەن ياقتۇرمايدىغان يامانلىقنى، ئۆزۈڭگە ھەمراھ قىلمايسەن رەزىللىكنى. نەپرەتلىنىسەن ئەسكىلىك قىلغۇچىلارغا، تىك تۇرالماس ھاكاۋۇرلار ئالدىڭدا. ھالاك قىلىسەن يالغانچىلارنى، ئۆچ كۆرىسەن قانخور، ھىيلىگەرلەرنى. شۇنداق، مەن كىرىمەن سېنىڭ ئۆيۈڭگە، چەكسىز، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ بولغاچ ماڭا. سەجدە قىلىمەن مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭدا، ئىخلاسىم باردۇر ساڭا. ئى پەرۋەردىگار، باشلىغىن مېنى ھەققانىيلىقىڭدا، چۈنكى پايلاپ يۈرەر دۈشمەنلىرىم ئەتراپىمدا. روشەن قىلغىن ئۆز يولۇڭنى ئالدىمدا. سەمىمىيلىك يوقتۇر ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدا، رەزىللىك چىرمىۋالغاندۇر دىللىرىنى، ئوچۇق قەبرە كەبىدۇر گاللىرى، خۇشامەتكە تولغاندۇر تىللىرى. ئى خۇدا، بېكىتكەيسەن ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى، ئۆزى كولىغان ئورىدا كۆرسۇن ئۇلار ئۆزلىرىنى. ئىتائەتسىزلىك قىلغاچقا ئۇلار ساڭا، كۆپ گۇناھقا پاتتى ئۇلار، قوغلىۋەتكىن ئۇلارنى. ئەمما سەندىن خۇرسەن بولسۇن پاناھىڭغا ئېرىشكەنلەر، ئۇلار دائىم شادلىنىپ، ياڭراتسۇن ناخشا-كۈيلەر. سەن ئالغايسەن ئۇلارنى قانىتىڭنىڭ ئاستىغا، شۇ ۋاقىتتا سېنىڭدىن شادلىنىدۇ سېنى سۆيگەنلەر. ئى پەرۋەردىگار، بەخت ئاتا قىلىسەن ھەققانىيلارغا، ساخاۋىتىڭنى قالقان قىلىپ، باشپاناھ بولىسەن ئۇلارغا. ئى پەرۋەردىگار، مېنى قەھرىڭ بىلەن ئەيىبلىمە، ماڭا غەزىپىڭدە تەربىيە بەرمە. ئى پەرۋەردىگار، رەھىم قىل ماڭا، زەئىپلىشىپ كەتتىم قەۋەتلا. ئى پەرۋەردىگار، شىپالىق بەرگىن ماڭا، بوشىشىپ كەتتى ئۇستىخانلىرىم بىراقلا. ئى پەرۋەردىگار، ھەسرەت تولدى قەلبىمگە، يۈرەرمەن بۇ ئەھۋالدا قاچانغىچە؟ ئۆتۈنەي پەرۋەردىگار، ساقلاپ قالغىن جېنىمنى، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭدە قۇتقۇز مېنى. چۈنكى ھېچكىم سېنى ئەسلىمەس ئۆلسە، كىم ساڭا رەھمەت ئېيتار گۆر ئىچىدە. ھېچ مادارىم قالمىدى نالە-پەرياد قىلىپ ساڭا، كۆز يېشىم دەريا بولۇر ھەر كېچىسى ئورنۇمدا. كۆزلىرىمنىڭ نۇرى كەتتى دەرد-ئەلەمدىن، ئاجىزلاشتى كۆزلىرىم دۈشمەنلىرىم دەستىدىن. بەرھەق، قۇلاق سالدى زارىمغا پەرۋەردىگار، يوقىلىڭلار يېنىمدىن ئەي يامانلىق قىلغۇچىلار. پەرۋەردىگار ئاڭلاپ ئىلتىجايىمنى، قوبۇل قىلدى دۇئايىمنى. قالار ھەممە دۈشمەنلىرىم نومۇس ۋە ۋەھىمىدە، تۇيۇقسىزلا چېكىنەر، بولۇپ شەرمەندە. ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، تاپىمەن پاناھ سەندىن، خالاس قىلىپ بارلىق دۈشمەنلىرىمدىن، قۇتقۇزغايسەن مېنى قوغلاپ يۈرگەنلەردىن. بولمىسا، ئۇلار شىردەك تىتىپ تاشلار مېنى، ھېچكىمىم يوقتۇر قۇتقۇزىدىغانغا جېنىمنى. ئى پەرۋەردىگارىم، قىلغان بولسام بىرەر يامانلىقنى، بۇلغىغان بولسام ناھەق ئىشلار بىلەن قوللىرىمنى، قىلغان بولسام دوستۇمغا يامانلىقنى، سەۋەبسىز بۇلىغان بولسام دۈشمىنىمنى، دۈشمىنىم تۇتۇۋالسۇن قوغلاپ مېنى، جېنىمنى ئالسۇن ئۇلار چەيلەپ تېنىمنى، يەر بىلەن يەكسان قىلسۇن ئىززىتىمنى. ئى پەرۋەردىگار، غەزەپلەنگىن، سۈكۈت قىلما، قارشى چىققىن قەھرلىك دۈشمەنلىرىمگە ئى خۇدا، مەن ئۈچۈن ئويغانغىن، ئۇلارنى تارتقىن سوتقا، سەن بېكىتكەن ھۆكۈمنى ئادا قىلغىن ئۇلارغا. سوت ئاچماق ئۈچۈن ئولتۇرغىن بۈيۈك ئورنۇڭدا، ھەممە خەلقلەر توپلاشسۇن ئەتراپىڭغا. پەرۋەردىگار سوت ئاچار خەلقلەرگە، ئى پەرۋەردىگار قىلغايسەن ھۆكۈم لايىق ھالدا ھەققانىي، دىيانىتىمگە. ئاخىرلاشتۇرغىن رەزىللەرنىڭ يامانلىقىنى، تەۋرەنمەس قىلغىن ھەققانىيلارنى، ئى ھەققانىي خۇدا، سىنىغۇچىسەن قەلبلەرنى. قالقىنىمدۇر خۇدا، نىجاتكار بولۇر قەلبى پاكلارغا. ئادىل سوتچىدۇر خۇدا، نەپرەتلىنەر رەزىللەردىن دائىما. ئەگەر تاشلىمىسا ئىنسان يامان يولىنى، بىلەپ ئۇ قىلىچىنى، بەتلەپ قۇيار يا ئوقىنى. ئۇ تەييارلاپ قويغاندۇر ئەجەللىك قوراللارنى، بەتلەپ قويغاندۇر يايىنىڭ ئوتلۇق ئوقىنى. رەزىل كىشى گۇناھقا ھامىلدار بولار، قورسىقى ئاچچىق زەھەرگە تولار، تۇغقان بالىسى يالغانچى بولار. كىم كولىسا باشقىلار ئۈچۈن ئورا، يىقىلىپ چۈشەر ئۆزى ئۇنىڭغا. كىم يامانلىق قىلسا باشقىلارغا، يېنىپ كېلەر ئۆز بېشىغا. كىم زۇلۇم سالسا باشقىلارغا، يېنىپ كېلەر ئۆز بېشىغا. تەشەككۈر ئېيتىمەن ھەققانىي پەرۋەردىگارغا، مەدھىيە ئوقۇيمەن ئۇلۇغ خۇدانىڭ نامىغا. ئى رەببىمىز پەرۋەردىگار، شۇنچە ھەيۋەت نامىڭ بار يەر يۈزىدە، شەرىپىڭنى نامايان قىلدىڭ ئاسمان-پەلەكتە. بالىلار ۋە بوۋاقلارنىڭ تىللىرىدا مەدھىيەلەتتىڭ ئۆزۈڭنى، يۇمۇش ئۈچۈن دۈشمەن ۋە قىساسچىلارنىڭ ئېغىزلىرىنى. قارىسام مەن بارماقلىرىڭ ئىجاد قىلغان ئاسمانغا _ كۆككە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان يۇلتۇزلارغا ۋە ئايغا، دەيمەن: ئىنسان نېمە ئىدى، سەن ئۇنى ياد ئەتكۈدەك؟ ئادەم نەسلى نېمە ئىدى، شۇنچە كۆڭۈل بۆلگۈدەك؟ پەرىشتىلەردىن ئازراقلا تۆۋەن قىلدىڭ ئورنىنى، كىيدۈردۈڭ سەن ئۇنىڭغا شان-شۆھرەتنىڭ تاجىنى. باشقۇرغۇزدۇڭ ئۇنىڭغا كۈللى جاھاننى، تىز پۈكتۈردۈڭ ئۇنىڭغا ھەممىنى. تىز پۈكەر قوي، كالا، ياۋايى ھايۋانلار، ئاسماندىكى ئۇچارقانات، دېڭىزدىكى بېلىقلار، شۇنداقلا دېڭىزدا ياشىغۇچى ھەممە جانلىقلار. ئى رەببىمىز پەرۋەردىگار، يەر يۈزىدە شۇنچە ھەيۋەت نامىڭ بار. ئى خۇدا، چىن دىلىمدىن ئېيتىمەن تەشەككۈرۈمنى، بايان ئەيلەپ سېنىڭ پۈتكۈل كارامەتلىرىڭنى. سەندىن ئالدىم خۇشاللىق، شادلىقىمنى، ئى ئۇلۇغ خۇدا، كۈيلەيمەن نامىڭنى. دۈشمەنلىرىم مەغلۇپ بولۇپ قاچقىنىدا، ھالاك قىلىسەن ئۇلارنى ئالدىمدا. چۈنكى، مېنى ئاقلىدىڭ سەن ھەق دەۋايىمدا، ئادالەتلىك سوتچى بولۇپ سەلتەنەتلىك ئورنۇڭدا. سوراق قىلىپ يات ئەللەرنى، ھالاك قىلدىڭ رەزىل خەلقلەرنى، ئۆچۈرۈۋەتتىڭ مەڭگۈگە ناملىرىنى. دۈشمەنلەر ۋەيران بولدى ئەبەدكە، ئايلىنىپ شەھەرلىرى خارابىلىككە. قالمىدى ئۇ جايلارنىڭ ناملىرى تارىخ بېتىدە. پەرۋەردىگار ئولتۇرار مەڭگۈ شاھلىق تەختىدە، ھۆكۈم ئۈچۈن قۇرغاندۇر ئۇ تەختىنى ئەسلىدە. دۇنيانى ئۇ سوراق قىلار ئادالەتتە، ئادىل ھۆكۈم چىقىرار خەلقلەرگە. پەرۋەردىگار قورغاندۇر ئېزىلگەنلەرگە، پاناھ بولار ئۇ دائىم ئازابلىق كۈنلەردە. سېنىڭ پەزىلەتلىرىڭنى بىلگەنلەر ئىشەنچىسىنى باغلار ساڭا، چۈنكى، تەرك ئەتمەيسەن ساڭا تەلپۈنگەنلەرنى، ئى خۇدا. كۈيلەڭلار سىئوندا ھۆكۈم سۈرگەن پەرۋەردىگارنى، بايان ئەيلەپ ئەللەر ئارا ئۇنىڭ بۈيۈك ئەجرىنى. چۈنكى، ئۇ ئالغۇچىدۇر تۆكۈلگەن قاننىڭ ھېسابىنى، ياد ئېتىپ بىچارىلەرنى، ئۇنتۇماس ئۇلارنىڭ پەريادىنى. ئى پەرۋەردىگار، شەپقىتىڭنى كۆرسىتىپ ماڭا، قۇتقۇز مېنى ئۆلۈمنىڭ گىردابىدىن. قارىغىن، ئۆچمەنلەرنىڭ ماڭا سالغان ئازابىغا. بايان ئەيلەي قۇدرىتىڭنى خەلقنىڭ ئالدىدا، سىئون شەھىرىنىڭ دەرۋازىلىرىدا. نىجاتلىقىڭدىن چۆمۈلەي شادلىققا. يات ئەللەر چۈشتى ئۆزلىرى كولىغان ئورىغا، پۇتلىرى ئىلىنىپ قالدى يوشۇرۇپ قويغان تۇزاققا. ھۆكۈمى بىلەن تونۇتتى ئۆزىنى پەرۋەردىگار، يامانلىقلىرى بىلەن چۈشىلىپ قالدى يامانلار. قەبرىلەرگە كىرىپ كېتەر يامانلار، خۇدانى ئۇنتۇغان بارلىق قوۋملار. مەڭگۈلۈك ئۇنتۇلۇپ كەتمەس بۇ دۇنيانىڭ يوقسۇللىرى، ئەمەلگە ئاشماي قالماس ئېزىلگەنلەرنىڭ ئارزۇلىرى. ئى پەرۋەردىگار، ياردەم قىل، غالىب كەلمىسۇن رەزىللەر، ئالدىڭدا سوراق قىلىنسۇن يات ئەللەر. ئى پەرۋەردىگار، قورقۇنچقا سالغىن ئۇلارنى، بىلىپ يەتسۇن ئۇلار پەقەتلا بەندە ئىكەنلىكىنى. ئى پەرۋەردىگار، نېچۈن مەندىن قېچىپ تۇرىسەن يىراقتا، نېچۈن مەندىن يوشۇرىسەن ئۆزۈڭنى كۈن چۈشكەندە بېشىمغا؟ يامانلار تەكەببۇرلۇقتا سالماقتا زۇلۇم ئاجىزلارغا، ئاجىزلار چۈشۈپ قالماقتا ئۇلارنىڭ تۇزاقلىرىغا. يامانلار كۆزگە ئىلماس پەرۋەردىگارنى، پەخىرلىنىپ ئۇلار ھەۋەسلىرىدىن، ماختاپ ئۇچۇرار ئاچ كۆزلەرنى. يامانلار ئىزدىمەس خۇدانى ھاكاۋۇرلىقىدا، خۇدا يوقتۇر ئۇلارنىڭ ئوي-خىياللىرىدا. ئوڭۇشلۇق بولار ئۇلارنىڭ يوللىرى ھەمىشە، خۇدا ھۆكۈمىنىڭ بېشىغا كېلىشىنى ئالماي نەزەرگە، مەغرۇر ھالدا دىماق قاقار دۈشمەنلىرىگە. ئۇلار دەر كۆڭۈللىرىدە: «تەۋرەنمەسمىز، ھېچقاچان كۈلپەتلەرگە ئۇچرىماسمىز.» ھىيلە، لەنەت ۋە زورلۇق تولغاندۇر ئېغىزلىرىغا، يامانلىق ۋە زەھەر چاچار تىللىرىدا. مۆكۈپ تۇرۇپ مەھەللىلەرنىڭ پىنھانلىرىدا، گۇناھسىزلارنى قەتل قىلار تۇيۇقسىزلا، تىكىلگەندۇر كۆزلىرى پاناھسىزلارغا. چاتقاللىقتا مۆكۈپ تۇرغان شىر كەبى ئۇلار، پايلاپ تۇرار تۇتۇشقا ئاجىزلارنى، چۈشۈرۈپ قىلتاقلىرىغا، تۇتۇۋالار ئۇلارنى. پۇرسەت كۈتەر مۆكۈپ تۇرۇپ يامانلار، چاڭگىلىغا چۈشەر ئۇلارنىڭ پاناھسىزلار. دەر يامانلار كۆڭۈللىرىدە: «ئۇنتۇپ قالدى خۇدا بىزنى، نەزەر سالمايدۇ ھەرگىز بىزگە، يۇمۇۋالغاندۇر كۆزلىرىنى.» ئۆتۈنەي ئى خۇدا، جازالىغايسەن يامانلارنى، ئى پەرۋەردىگار، ئۇنتۇمىغايسەن بىچارىلەرنى. نېچۈن يامانلار كۆزگە ئىلماس ئى خۇدا سېنى، نېچۈن كۆڭۈللىرىدە دەر: «جازالىمايدۇ خۇدا مېنى.» بىلىمىز، كۆرۈپ تۇرىسەن بۇلارنى، ئۇلارنىڭ زەھەرخەندە، زۇلۇملىرىغا تاشلاپ تۇرۇۋاتىسەن نەزىرىڭنى، ئالىسەن يامانلارنى ھامان ئالىقىنىڭغا. پاناھسىزلار ئۆزلىرىنى تاپشۇرار ساڭا، ياردەم قىلغۇچىسەن يېتىم-يېسىرلارغا. سۇندۇرغايسەن رەزىل ۋە يامانلارنىڭ بىلەكلىرىنى، رەزىللىكلىرى يوقالغۇچە جازالىغايسەن ئۇلارنى. مەڭگۈلۈك پادىشاھتۇر پەرۋەردىگار، يوقىلار زېمىنىدىن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلمىغانلار. ئى پەرۋەردىگار، قۇلاق سالىسەن ئېزىلگەنلەرنىڭ ئىستەكلىرىگە، قۇۋۋەت بېرىسەن ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرىگە. كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرىسەن دۇئا-تىلاۋەتلىرىگە. قوغدايسەن يېتىم-يېسىر، ئېزىلگەنلەرنىڭ ھەققىنى، پانىي ئالەمدە ھېچكىم قورقۇتالماس ئۇلارنى. پاناھلىق تاپقان تۇرسام پەرۋەردىگاردا، «قۇشقاچ كەبى ئۇچۇپ كەت ئۆز تېغىڭغا» دېگىنىڭلار نېمىسى ماڭا؟! مانا يامانلار تارتىپ يايىنى، تەق قىلدى سېلىپ ئوقىنى، يوشۇرۇن ئاتماقچى بولۇپ ياخشىنى. نېمىمۇ قىلالار ھەققانىي كىشى، بۇزۇلسا ھەققانىيلىقنىڭ ئۇللىرى؟ پەرۋەردىگارنىڭ تەختى ئەرشتىدۇر، ئۇ تۇرار مۇقەددەس دەرگاھىدا. كۆزىتىپ تۇرار ئۇ ھەممە ئىنسانلارنى، دىققەت بىلەن تىكىلگەندۇر كۆزلىرى ئىنسانلارغا. پەرۋەردىگار كۆزىتەر ھەققانىي ۋە رەزىللەرنى، ئۆچ كۆرەر زوراۋانلىققا مەپتۇنلارنى. قىزىق شامال، ئوت، گۈڭگۈرت، چوغلار، يامانلارنىڭ ھاياتىغا نېسىۋە بولار. ھەققانىيدۇر پەرۋەردىگار، سۆيەر ھەققانىيلىقنى، پەقەت كۆڭلى دۇرۇسلار كۆرەر ئۇنىڭ چېھرىنى. قۇتۇلدۇرغىن، ئى پەرۋەردىگار، تۈگەپ كەتتى تەقۋادارلار، قالمىدى ساڭا سادىق ئىنسانلار. يالغان سۆزلەر ئادەملەر بىر-بىرىگە، ئاغزى سىلىق بولسىمۇ راستچىللىق يوق قەلبىدە. «مەن باراي» دەيدۇ خۇدا: «زۇلۇم تارتقاچ ئېزىلگەنلەر، نالە قىلغاچ مىسكىنلەر، يەتكۈزەي ئۇلارنى تەشنا بولغان ئامانلىقىغا.» تونۇردا يەتتە قېتىم تاۋلانغان ساپ كۈمۈش كەبى، چىن سۆزلەردۇر پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرى. ئى پەرۋەردىگار، قوغدىغايسەن مىسكىنلەرنى، مەڭگۈ قوغدىغايسەن بۇ دەۋردىكىلەردىن بىزنى. تەرىپلىشىپ پەس ئىشلارنى ئىنسانلار، غادىيىپ يۈرۈشىدۇ ئەتراپىمىزدا يامانلار. ئى پەرۋەردىگار، ئۇنتارسەنمۇ مەڭگۈ مېنى؟ يوشۇرارسەن قاچانغىچە مەندىن يۈزۈڭنى؟ ھەسرەت يۇتۇپ ئۆتەرمەن، قاچانغىچە ئەندىشىدە، دۈشمىنىم دەسسەپ تۇرار قاچانغىچە يەلكەمگە؟ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، جاۋاب بەرگىن نەزىرىڭنى سېلىپ ماڭا، نۇرلاندۇرغىن كۆزلىرىمنى، بولمىسا كېتەرمەن مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا. ئەگەر كۆزلىرىم يۇمۇلسا خۇش بولار رەقىبلىرىم، «مەن ئۇنىڭدىن غالىب كەلدىم» دېيىشەر دۈشمەنلىرىم. تايىنىپ كەلدىم مەن مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭگە، نىجاتىڭدىن تولۇپ تاشسۇن شادلىق قەلبىمگە. ئىلتىپات ئەيلىگەچ سەن ماڭا، ئى پەرۋەردىگار، مۇناجات ئوقۇيمەن ساڭا. ئەخمەقلەر كۆڭۈللىرىدە دېيىشەر «يوقتۇر خۇدا». يىرگىنچلىك، رەزىل بولۇپ قىلمىشلىرى، ماڭمىغاندۇر ئۇلارنىڭ بىرسىمۇ توغرا يولدا. پەرۋەردىگار ئەرشتىن ئىنسانغا سېلىپ نەزەر، خۇدانى ئىزدىگۈچى ئاقىل ئادەم ئىزدەر. ئازغۇندۇر ھەممىسى، بىردەك بۇزۇلغان، بىرىمۇ يوقتۇر ھەتتا توغرا يولدا ماڭغان. چۈشەنمەسمۇ ئەجەبا قىلمىشلىرىنى پاسىقلار؟! ئۇلار مېنىڭ خەلقىمنى نان يىگەندەك يەپ يۇتار، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلماس ئەسلا ئۇلار. ھەققانىيلار بىلەن بىرگە بولغاچ خۇدا، ئەخمەقلەرنى ۋەھىمە باسماقتا مانا. يوقاتماقچىمۇسىلەر ئارزۇلىرىنى ئېزىلگەنلەرنىڭ؟! ئەمما پەرۋەردىگار پاناھىدۇر ئۇلارنىڭ. ئىسرائىللارغا نىجاتلىق سىئوندىن چىقىپ كەلسە ئىدى! پەرۋەردىگار ھۆرلۈككە چىقارغىنىدا زۇلۇمدىكى خەلقىنى، شادلىنار ئىسرائىللار _ سۆيۈنەر ياقۇپ ئەۋلادى. ئى پەرۋەردىگار، كىم كىرەلەر مۇقەددەس چېدىرىڭغا، كىم ساڭا ئىبادەت قىلالار مۇقەددەس سىئون تېغىڭدا؟ ئىبادەت قىلالار ئۇ يەردە: توغرا يولدا ماڭىدىغانلار، ھەققانىي ئىش قىلىدىغانلار، ھەقىقەتنى چىن دىلىدىن سۆزلەيدىغانلار، باشقىلارغا قارا چاپلىمايدىغانلار، دوستىغا يامانلىق قىلمايدىغانلار، قوشنىسىغا ھاقارەت قىلمايدىغانلار. پەسكەشلەردىن يىرگىنىدىغانلار، تەقۋادارلارنى ھۆرمەتلەيدىغانلار، زىيان تارتسىمۇ ۋەدىسىدە تۇرىدىغانلار. جازانىغا پۇل قەرز بەرمەيدىغانلار، پارا يەپ بىگۇناھقا زىيان سالمايدىغانلار، مەڭگۈ تەۋرەنمەستۇر مانا بۇلار. ئۆزۈڭ مېنى ساقلىغىن خۇدا، چۈنكى سەندىن تاپارمەن پاناھ. دېدىم مەن پەرۋەردىگارغا: «ئىگەمدۇرسەن، بەختىم يوقتۇر سەندىن باشقا.» ئالىيجانابتۇر زېمىندىكى تەقۋادار خەلقىڭ، بارلىق خۇشاللىقىمدۇر ئۇلار مېنىڭ. كىمكى چوقۇنماق بولسا غەيرىي ئىلاھلارغا، ئاشار ئۇنىڭ دەردلىرى قەۋەتلا. قۇربانلىق قىلماسمەن ئاتاپ ئۇلارغا، ئالماسمەن ناملىرىنى ھەتتا تىلىمغا. پەرۋەردىگار ئىستىقبالىم، نېسىۋەمدۇر، ئى پەرۋەردىگار، كېلەچىكىم قولۇڭدىدۇر. ئېسىل رىزىقلىرىڭ ماڭا تەقدىم قىلىنغاندۇر، سەن ئاتا قىلغان گۈزەل بەختىم بايلىقىمدۇر. ھەمدۇسانا ئېيتىمەن نەسىھەتچىم پەرۋەردىگارغا، كېچىدىمۇ توغرا يولنى كۆرسىتەر قەلبىم ماڭا. پەرۋەردىگارنى تۇتارمەن ھەر دائىم يادىمدا، ئوڭ يېنىمدا بولغاچ ئۇ تەۋرەنمەسمەن پەقەتلا. شۇڭا روھىم شادلىقتا، خۇشاللىق بار قەلبىمدە، بىخەتەرلىك-ئامانلىق بەردىڭ مېنىڭ تېنىمگە. بىلىمەن، تاشلاپ قويمايسەن مېنى گۆر ئىچىگە، يول قويمايسەن تەقۋادارىڭنىڭ تېنىنىڭ چىرىشىگە. كۆرسىتىپ بېرىسەن ھاياتلىق يولىنى ماڭا، خۇشاللىق تولۇپ تاشقاندۇر ھۇزۇرۇڭغا، مەڭگۈلۈك شادلىق باردۇر ئوڭ قولۇڭدا. ئى پەرۋەردىگار، قۇلاق سالغىن ساڭا قىلغان دەۋايىمغا، ئېتىبار قىلغىن مېنىڭ نالە-پەريادىمغا، كۆڭۈل قويغىن چىن، سەمىمىي دۇئايىمغا. «گۇناھسىز» دەپ ئاقلىغىن مېنى، چۈنكى، كۆزۈڭ كۆرەر ئادىللىقنى. سىناپ مېنىڭ قەلبىمنى، كۆزىتىپ كېچىدە خىيالىمنى، تەكشۈرۈپ باققان بولساڭمۇ مېنى، تاپالمىدىڭ ھېچبىر نۇقساننى. چىڭ يۇماي، دەپ ئويلىدىم ئاغزىمنى. ئەلا بىلىپ سېنىڭ تەلىملىرىڭنى، زوراۋانلارنىڭ يولىدىن تارتتىم ئۆزۈمنى، يۇقتۇرمىدىم يامانلارنىڭ قىلمىشلىرىنى. ئىزىڭدىن ماڭدىم مەن قەدەم ئېلىپ، شۇڭا كەتمىدى پۇتلىرىم تېيىلىپ. ئى ئىگەم، ئىلتىجا قىلدىم ساڭا، جاۋاب بەرگەچكە سەن ماڭا. بېرىپ ماڭا دىققىتىڭنى، تىڭشىغىن سۆزلىرىمنى. ماڭا بەخش ئەتكىن مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى، ئى ئۆزۈڭگە تايانغانلارنىڭ نىجاتكارى، ھۇجۇمغا قالغانلارنىڭ قۇدرەتلىك قۇتقۇزغۇچىسى. تاشتەك قاتتىقتۇر ئۇلارنىڭ باغىرلىرى، چوڭ سۆزلەيدۇ ھەم ئېغىزلىرى. پېيىمغا چۈشۈپ قورشاۋغا ئالدى مېنى، ئالماق بولۇپ ئۇلار مېنىڭ جېنىمنى. ئۇلار ئوخشار بۆكتۈرمىدە تۇرغان ياش شىرلارغا، ئوۋغا ھېرىسمەن شىر كەبى ئولجىسىنى تالاشقا. ئۆتۈنەي خۇدا، ئالدىنى توسۇپ ئۇلارنىڭ، قىلىچىڭ بىلەن تىز پۈكتۈرۈپ ئۇلارنى، قۇتقۇزغىن رەزىللەردىن جېنىمنى. ئى پەرۋەردىگار، قۇتقۇز مېنى ئۆز قولۇڭ بىلەن بۇ پانىي دۇنيادىكى رەزىللەردىن. پەقەت مۇشۇ دۇنيادىدۇر ئۇلارنىڭ نېسىۋىسى، نېمەتلىرىڭ بىلەن تويار ئۇلارنىڭ قورسىقى. پەرزەنتلىرى بىلەن قانائەت تاپار كۆڭۈللىرى، بالىلىرىغا قالدۇرار ئۇلار مال-مۈلكىنى. ھەققانىيلىقىم بىلەن يۈزۈڭنى كۆرەرمەن، ئويغانغىنىمدا دىدارىڭغا قانارمەن. كۈچ-مادارىم پەرۋەردىگار سۆيىمەن سېنى. قورام تېشىم، قورغىنىم، نىجاتكارىم پەرۋەردىگاردۇر، ماڭا پاناھ بولىدىغان گىگانت تېغىم، باشپاناھىم، قالقىنىم، يېڭىلمەس قۇتقۇزغۇچىم خۇدايىمدۇر. ئىلتىجا قىلسام مەدھىيەلەر ئىگىسى پەرۋەردىگارغا، دۈشمەنلىرىم قوللىرىدىن قۇتقۇزىلارمەن شۇندىلا. ئۆلۈم ئاسارەتلىرى چىرمىدى مېنى، ھالاكەت دولقۇنلىرى چۈمكىدى مېنى. گۆرىستان تانىلىرىدا باغلاندىم، ئۆلۈم تۇزاقلىرىغا دۇچ كەلدىم. ئېغىر كۈلپەت ئارا ئىلتىجا قىلدىم پەرۋەردىگارغا، ياردەم تەلەپ قىلدىم پەرياد كۆتۈرۈپ خۇدايىمغا. ئاۋازىمنى ئاڭلىدى پەرۋەردىگار دەرگاھىدا، ئاھۇزارىم يېتىپ باردى ئۇنىڭ قۇلىقىغا. شۇ چاغ زېمىن سىلكىنىپ، يەر تەۋرىدى، تاغلارنىڭ ئۇلى تىترەپ، مىدىرلىدى، چۈنكى خۇدا دەرغەزەپكە كەلگەنىدى. چىقتى خۇدانىڭ بۇرنىدىن ئىس-تۈتەكلەر، ئېتىلدى خۇدانىڭ ئاغزىدىن ئوت-لاۋىلار، لاۋۇلداپ كۈيەتتى ھەتتا قىپقىزىل چوغلار. كۆكنى يېرىپ يەر تامان چۈشكەندە خۇدا، تۇراتتى قارا بۇلۇتلار ئايىغىنىڭ ئاستىدا. ئۇ مىنىپ ئۇچتى بىر «كېرۇب»قا، پەرۋاز قىلدى شامالنىڭ قاناتلىرىدا. يېپىنچا قىلغانىدى ئۇ قاراڭغۇلۇقنى، قويۇق، قارا بۇلۇتلار قورشاپ تۇراتتى ئۇنى. يورۇتقانىدى ئالدىنى پارلاق نۇرى، ياغدۇرۇپ مۆلدۈر ۋە قىپقىزىل چوغلارنى، پارچىلىدى قاپقارا بۇلۇتلارنى. پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى گۈلدۈرلەپ ئاسماندا ياڭرىتىپ ئاۋازىنى ئۇلۇغ خۇدا، ياغدۇردى مۆلدۈر ۋە قىپقىزىل چوغلار. تارقىتىۋەتتى خۇدا دۈشمەنلىرىنى، ياغدۇرۇپ ئوقلىرىنى، چاقماقلار چاقتۇرۇپ تىرىپىرەن قىلىپ ئۇلارنى. ئى پەرۋەردىگار، تەنبىھىڭدىن، قەھرلىك تىنىقىڭنىڭ زەربىسىدىن، كۆرۈنۈپ قالدى دېڭىزنىڭ تېگى، ئېچىلىپ قالدى زېمىننىڭ ئۇلى. پەرۋەردىگار كۆكتىن سۇنۇپ قولىنى، چوڭقۇر سۇلاردىن تارتىپ ئالدى مېنى. قۇتقۇزدى مېنى ۋەھشىي دۈشمىنىمدىن، ماڭا ئۆچ بولغانلاردىن، چۈنكى ئۇلار كۈچلۈك ئىدى مەندىن. ئاپەتلىك كۈنلىرىمدە ھۇجۇم قىلدى ئۇلار ماڭا، پەرۋەردىگار يار-يۆلىكىم بولدى ئەمما. ئۇ مەندىن خۇرسەن بولغاچ نىجاتلىق بەردى ماڭا، ئېلىپ چىقتى مېنى ھەم بىخەتەر جايغا. ھەققانىيلىقىم ئۈچۈن ياخشىلىق قىلدى خۇدا، قولۇمنىڭ پاكلىقىدىن ئىنئام بەردى ماڭا. چۈنكى مېڭىپ كەلدىم پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا، رەزىللىك قىلىپ، ئاسىيلىق قىلمىدىم خۇدايىمغا. كۆز ئالدىمدا بولدى دائىم ئۇنىڭ بارلىق ھۆكۈملىرى، بىر ياققا قايرىپ قويمىدىم ھەم ئۇنىڭ پەرمانلىرىنى. ئۇنىڭ ئالدىدا غۇبارسىز بولدۇم، ئۆزۈمنى گۇناھ قىلىشتىن ساقلىدىم. قولۇم پاك، ئۆزۈم ھەققانىي بولغاچقا، پەرۋەردىگار ئىنئام بەردى ماڭا. ۋاپادارلارغا كۆرسىتىسەن ۋاپادارلىقىڭنى، ھەققانىي ئادەملەرگە ھەققانىيلىقىڭنى. پاكلىقىڭنى كۆرسىتىسەن پاك ئادەملەرگە، لايىقىدا جاۋاب قايتۇرىسەن نىيىتى ئەگرىلەرگە. قۇتقۇزىسەن چارىسىزلارنى، يەرگە ئۇرىسەن ھاكاۋۇرلارنى. پەرۋەردىگار، ھاياتلىق چىرىغىمنى ياققۇچىسەن، ئىلاھىم، زۇلمىتىمنى يورۇقلۇققا ئايلاندۇرىسەن. ساڭا تايىنىپ، دۈشمەن قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلالايمەن، ئى ئىگەم، ياردىمىڭدە سېپىللاردىن بۆسۈپ ئۆتەلەيمەن. خۇدانىڭ يولى مۇكەممەل يولدۇر، ئۇنىڭ ئېيتقان سۆزلىرى ھەقىقەتتۇر. پاناھ ئىزدىگۈچىلەرگە خۇدا بىر قالقاندۇر. «مەڭگۈ بار بولغۇچى»دىن باشقا كىمدۇر خۇدا؟! ئىگىمىزدىن باشقا كىم بولار قورام تاشتەك باشپاناھ؟ خۇدادۇر بېلىمنى قۇدرىتىدە باغلىغۇچى، يولۇمنى ئەيىب-نۇقسانسىز قىلغۇچى. كېيىكنىڭكىدەك يۈگۈرۈك قىلىپ ئۇ پۇتلىرىمنى، ئېگىز تاغلاردا ھەم مەزمۇت تۇرغۇزدى مېنى. قوللىرىمنى ئۆگەتتى ئۇ جەڭ قىلىشقا، بىلەكلىرىمنى تۇچ ئوقيانى تارتىشقا. ئى ئىگەم، بەردىڭ ماڭا نىجاتلىق قالقىنىڭنى، ئوڭ قولۇڭ يۆلەپ، مۇلايىملىقىڭ يۈكسەك قىلدى مېنى. بىخەتەر قىلغاچ سەن باسقان ھەربىر قەدىمىمنى، تېيىلماستىن مېڭىپ يۈرىمەن يوللىرىمنى. قوغلاپ يۈرۈپ تۇتۇۋالدىم دۈشمەنلىرىمنى، قايتمىدىم كەينىمگە يوقاتماستىن ئۇلارنى. مەن ئۇلارنى يانجىۋەتتىم، تۇرالماس قايتا، يىقىلدى ئۇلار پۇتلىرىمنىڭ ئاستىغا. جەڭگە باغلىدىڭ كۈچ-قۇدرەت بىلەن بېلىمنى، باش ئەگدۈردۈڭ پۇتلىرىمغا ماڭا ھۇجۇم قىلغانلارنى. چېكىنىشكە مەجبۇر قىلدىڭ رەقىبلىرىمنى، يوقاتتىم ماڭا ئۆچ بولغانلارنى. ئۇلار پەرياد كۆتەرسىمۇ چىقمىدى قۇتقۇزىدىغانلار، نالە قىلىپ يالۋۇرسىمۇ جاۋاب بەرمىدى پەرۋەردىگار. ئېزىۋەتتىم ئۇلارنى شامالدا ئۇچقان توزاندەك، چەيلىۋەتتىم ئۇلارنى كوچىدىكى پاتقاقتەك. خەلق بىلەن قارشىلىششتىن مۇستەسنا قىلدىڭ مېنى. باش قىلغانىدىڭ مېنى يات ئەللەرگە، قىلماقتا ئۇلار مېنىڭ خىزمىتىمنى. ئاۋازىمنى ئاڭلاش بىلەن بويسۇنار ئۇلار ماڭا، تەسلىم بولىدۇ يات ئەللەر شۈمشىيىپ ئالدىمدا. جاسارىتىنى يوقاتقان يات ئەللەر، تىترىگەن ھالدا قورغانلىرىدىن چىقىشار. ھاياتتۇر پەرۋەردىگار! ئۇ قورام تېشىمغا ئېيتىلسۇن ھەمدۇسانا، ئۇلۇغلانسۇن نىجاتكارىم بولغان خۇدا! خۇدادۇر قىساس ئېلىپ بەرگۈچى ماڭا، بويسۇندۇرغۇچىدۇر خەلقلەرنى قول ئاستىمغا. قۇتقۇزدۇڭ مېنى دۈشمەنلىرىمدىن، ئۈستۈن قىلدىڭ ماڭا ھۇجۇم قىلغانلاردىن، قۇتۇلدۇردۇڭ ھەم زوراۋانلاردىن. ئى پەرۋەردىگار، ساڭا رەھمەت ئېيتىمەن ياتلار ئالدىدا، مەدھىيە كۈيى ئوقۇيمەن نامىڭغا. پەرۋەردىگار ئېرىشتۈرەر ئۆزى تىكلىگەن پادىشاھنى ئۇلۇغ غەلىبىگە، ئۇ بېغىشلار مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى ئۆزى تاللىغان پادىشاھقا _ تا ئەبەد داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا. ئەرش جاكارلار خۇدانىڭ شان-شەرىپىنى، ئاسمان نامايان قىلار ئۇنىڭ ئىجادىنى. توختىماستىن سۆزلىشەر ئۇلار ھەر كۈن، تەرىپلىشەر خۇدانى كېچە ۋە تۈن. ئىشلەتمىگەن بولسىمۇ گەرچە ئۇلار تىللىرىنى، چىقارمىغان بولسىمۇ گەرچە ئۇلار ئۈنلىرىنى. تىۋىشلىرى يېيىلىپ كەتكەن تامام يەر يۈزىگە، خەۋىرى يېتىپ بارغاندۇر جاھاننىڭ چەتلىرىگە. قۇياش ئۈچۈن بىر چېدىر تىككەندۇر خۇدا ئاسمانغا، چىقار ئۇندىن قۇياش ئوخشاپ تويى بولغان ئوغۇلغا. شادلىنار ئۇ ئوخشاپ گويا يۈگۈرۈشكە چىققان پالۋانغا. ئۆرلىسە ئۇ ئاسماننىڭ بىر چېتىدىن، بارار چۆرگۈلەپ يەنە بىر چېتىگىچە، قاچالماس ھېچ نەرسە ئۇنىڭ ھارارىتىدىن. مۇكەممەلدۇر پەرۋەردىگارنىڭ تەلىملىرى، يېڭىلار ئۇ ئىنسان ۋۇجۇدىنى، ئىشەنچلىكتۇر پەرۋەردىگارنىڭ پەرزلىرى، دانا قىلار نادانلارنى. توغرىدۇر پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسەتمىلىرى، شادلاندۇرار قەلبلەرنى. ئوچۇقتۇر پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرى، روشەن قىلار كۆزلەرنى. پاكلىقتۇر ئىخلاس قىلىش پەرۋەردىگارغا، ئىخلاسمەنلىك داۋاملىشار ئەبەدىيگە. بەرھەقتۇر پەرۋەردىگارنىڭ ھۆكۈملىرى، ئادىللىق سىڭگەندۇر ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە. قىممەتتۇر ئۇلار ئالتۇندىن، ھەتتا بارچە ساپ ئالتۇندىن، شېرىندۇر ھەسەلدىن، ھەتتا ھەرە كۆنىكىدىن تامچىغان ھەسەلدىن. شۇنداقلا ئاگاھلاندۇرار مەن بەندەڭنى، چىڭ تۇرغۇچى بۇلاردا ئالار كاتتا ئىنئامىنى. كىم بىلىپ يېتەلىسۇن ئۆزى قىلغان خاتالىقلىرىنى، بىلمەي قىلغان گۇناھلىرىمدىن پاكلىغىن مېنى. ساقلىغايسەن بەندەڭنى بىلىپ گۇناھ قىلىشتىن، ھۆكۈمرانلىق قىلمىغاي گۇناھ مېنىڭ ئۈستۈمدىن. ئەيىبسىز بولۇرمەن مەن شۇندىلا، ساقلىنىمەن قىلىشتىن ئېغىر گۇناھ. ئى پەرۋەردىگار، قورام تېشىم ۋە نىجاتكارىم، خۇش قىلغاي سېنى سۆزلىرىم ۋە خىياللىرىم. كۈلپەتتە قالغىنىڭدا پەرۋەردىگار جاۋاب بەرگەي نىدايىڭغا، ياقۇپنى يېتەكلىگەن خۇدا ساقلىغاي سېنى ئۆز پاناھىدا. ياردەم بەرگەي مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىن، يۆلىگەي سېنى سىئوندىن. خۇدانىڭ يادىدا بولغاي ئاتىغان ھەدىيەلىرىڭ، قوبۇل قىلىنغاي ھۇزۇرىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭ. ئەمەلگە ئاشۇرغاي ئارمانلىرىڭنى، ئىجابەت قىلغاي كۆڭلۈڭگە پۈككەنلىرىڭنى. ئېرىشتۈرگەن غەلىبەڭ ئۈچۈن چۇقان سالىمىز شادلىقتا، تىكلەپ غەلىبە تۇغىمىزنى ئىگىمىزنىڭ نامىدا. ئۇ بارلىق ئىلتىجالىرىڭنى كەلتۈرگەي بەجا. بىلدىمكى، ئۆزى تاللىغان پادىشاھنى قۇتقۇزار خۇدا، مۇقەددەس ئەرشئەلادىن جاۋاب بېرىپ ئۇنىڭغا، زور غەلىبە ئاتا قىلار قۇدرەتلىك ئوڭ قولىدا. بەزىلەر ئىشىنەر جەڭ ھارۋىلىرىغا، بەزىلىرى ئاتلىرىغا، ئەمما بىز ئىشىنىمىز پەرۋەردىگارىمىزغا. يىقىلدى ئۇلار ھالاك بولۇپ، قەددىمىزنى رۇسلىدۇق بىز تىك تۇرۇپ. ئى پەرۋەردىگار، غەلىبە ئاتا قىلغىن پادىشاھقا، جاۋاب بەرگەيسەن ئىلتىجا قىلغىنىمىزدا. ئى پەرۋەردىگار، شادلىنار پادىشاھ قۇدرىتىڭدىن، خۇشالدۇر ئۇ ئېرىشتۈرگەن غەلىبەڭدىن. سەن ئەمەلگە ئاشۇردۇڭ ئىستەكلىرىنى، رەت قىلمىدىڭ سورىغان تىلەكلىرىنى. مول بەرىكەتلەر ئاتا قىلدىڭ ئۇنىڭغا، ساپ ئالتۇندىن تاج كىيدۈردۈڭ بېشىغا. ئۆمۈر بەردىڭ ئۆمۈر تىلىسە، ھاياتىنى ئۇزارتتىڭ مەڭگۈگە. زور شۆھرەتكە ئېرىشتۈردى سەن ئىنئام قىلغان غەلىبە، بەھەيۋەت شەرەپ قۇچتى ئۇ سېنىڭ ھىممىتىڭدە. مەڭگۈلۈك بەرىكەت ئاتا قىلىپ ئۇنىڭغا، ھۇزۇرۇڭدا چۆمدۈرىسەن ئۇنى شادلىققا. بەرھەق، پادىشاھ ئىشەنچ باغلار پەرۋەردىگارغا، ئۇلۇغ خۇدانىڭ مۇھەببىتىدە تەۋرەنمەس ئەسلا. ئەسىر ئېلىپ بارلىق دۈشمەنلىرىڭنى، ئوڭ قولۇڭدا تۇتارسەن ساڭا ئۆچ بولغانلارنى. تونۇردىكى چوغلار كەبى كۆيەر ئۇلار، نامايان قىلغىنىڭدا قەھرىڭنى، يالماپ كېتەر ئوت يالقۇنى _ غەزەپلىرىڭ يۇتار ئۇلارنى. يوقىتارسەن يەر يۈزىدىن ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى، قۇرۇتارسەن ئىنسانىيەت دۇنياسىدىن نەسلىنى. يامانلىق قىلىشقا ئۇرۇنسىمۇ ئۇلار ساڭا، ئويلاپ چىقسىمۇ ھەم ھىيلە-مىكىر، ئەمما ئەمەلگە ئاشۇرالماس پەقەتلا. چېكىندۈرىسەن ئۇلارنى، يۈزلىرىگە بەتلىگەندە ئوقيايىڭنى. ئى پەرۋەردىگار كۆرسەتكەيسەن قۇدرىتىڭنى، ناخشا ئېيتىپ مەدھىيەلەيلى غەلىبىلىرىڭنى. ئاھ خۇدايىم، خۇدايىم تاشلىۋەتتىڭ نېچۈن مېنى؟ قۇتقۇزماستىن، نېچۈن يىراق تاشلاپ كەتتىڭ مېنى؟ ئاڭلىمايسەن نېچۈن مېنىڭ نالە-پەريادىمنى. ئى رەببىم، بەرمىدىڭ ھېچبىر جاۋاب نالە قىلسام كۈنبويى، ئاھ ئۇرۇپ، ياردەم سوراپ تاپماسمەن ھېچبىر ئارام كېچىلىرى. لېكىن سەن شۈبھىسىزكى، مۇقەددەستۇرسەن، ئىسرائىللارنىڭ مەدھىيەسىنى تەخت قىلىپ ئولتۇرغۇچىسەن. ئەجدادلىرىمىز باغلىغاندۇر ساڭا ئىشەنچىسىنى، باغلىدى ساڭا ئىشەنچىسىنى، قۇتۇلدۇردۇڭ ئۇلارنى. نالە-زار قىلىپ رەببىم ساڭا ئامان قالدى ئۇلار، ساڭا ئىشەنچ قىلغانلىقتىن ئۇياتتا قالمىدى ئۇلار. ئەمما، مەن ئىنسان ئەمەس بەلكى قۇرت كەبى، ئىنسانلار ئارىسىدا خار ۋە زەبۇندۇرمەن، ئاۋام خەلق ئارىسىدا كەمسىتىلگەندۇرمەن. كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى مازاق قىلار مېنى. دېيىشەر پۈرۈشتۈرۈپ ئېغىزلىرىنى، چايقىشىپ باشلىرىنى: «پەرۋەردىگارغا تاپشۇرغان ئەمەسمىدى ئۇ ئۆزىنى، قۇتقۇزسۇن پەرۋەردىگار ئەمدى ئۇنى. ئەگەر پەرۋەردىگار شادلانغان بولسا ئۇنىڭدىن، قېنى، قۇتۇلدۇرۇپ باقسۇن ئۇنى!» لېكىن، سەن ئانامنىڭ قارنىدىن تۇغدۇردۇڭ مېنى، ئەمچەكتىكى چېغىمدىلا تايانچىم قىلغانىدىم سېنى. مېنىڭ خۇدايىم ئىدىڭ مەن ئاپىرىدە بولغاندىلا، ساڭا تاپشۇرۇلغانىدىم قورساقتىكى چېغىمدىلا. كەتمىگىن تاشلاپ مېنى يىراققا، كەلمەكتە كۈلپەتلەر قىستاپ مېنى، ياردەم قىلماس ھېچكىم ماڭا. نۇرغۇن بۇقىلار قورشاۋغا ئالدى مېنى، باشاننىڭ كۈچلۈك بۇقىلىرى ئورىۋالدى ئەتراپىمنى. ئولجا تالىشىپ ھۆركىرىۋاتقان شىردەك ئۇلار گويا، ئېغىزلىرىنى يوغان ئاچتى خىرىس قىلىشىپ ماڭا. گويا سۇدەك تۆكۈلۈپ مەندىن كەتتى قۇدرىتىم، ئۈگۈلىرىدىن ئاجراپ كەتتى ئۇستىخانلىرىم، گويا شام بولۇپ ئىچىمدە ئېرىدى يۈرىكىم، ئۈمىدسىزلىكتىن يوقالدى جاسارىتىم. قۇرىدى كۈچ-مادارىم ئوخشاپ ساپال پارچىسىغا، چاپلىشىپ قالدى تىلىم تاڭلىيىمغا، قويدۇڭ مېنى ئۆلۈم توپىسىغا. قورشاۋغا ئالدى مېنى بىر توپ رەزىللەر، ئەتراپىمنى ئورىۋالدى ئاشۇ ئىتلار، پۇت-قوللىرىمنى تەشتى ئۇلار. كۆرۈنۈپ قالدى سۆڭەكلىرىم مانا، ھومىيىپ تۇرماقتا ئۇ رەزىللەر ماڭا. بۆلۈشمەك ئۈچۈن ئۇلار كىيىملىرىمنى، چەك تارتىشقا تاشلىدى كۆڭلىكىمنى. ئى پەرۋەردىگار، مېنى تاشلاپ كەتمە يىراققا، مەدەتكارىم خۇدا تېزدىن ياردەم قىلغىن ماڭا. قىلىچتىن قۇتقۇز مېنىڭ جېنىمنى، ئىتلارنىڭ چاڭگىلىدىن قىممەتلىك ھاياتىمنى. تارتىۋال مېنى شىرنىڭ ئاغزىدىن، تېنىمنى ياۋا بۇقىلارنىڭ مۈڭگۈزىدىن. جاكارلايمەن نامىڭنى قېرىنداشلىرىمغا، مەدھىيەلەيمەن سېنى ئېتىقادچىلىرىڭ ئارىسىدا. ئەي ئىخلاسمەنلەر پەرۋەردىگارغا، ئۇنى مەدھىيەلەڭلار، ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈڭلار، ئەي ئىسرائىل ئەۋلادلىرى، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىڭلار. چۈنكى، ئۇ ئۇنتۇپ قالمىدى خورلانغانلارنى، ئۇلاردىن يىرگەنمىدى ھەم يوشۇرمىدى ئۆزىنى، بەلكى، ئاڭلىدى ئۇلارنىڭ نىدالىرىنى. مەدھىيەلىرىمنىڭ ئىلھامىدۇرسەن بۈيۈك جامائەت ئارىسىدا ئى خۇدا، ئادا قىلاي قەسەملىرىمنى ساڭا ئىخلاسمەنلەرنىڭ ئالدىدا. ئېزىلگەنلەر قانائەتلىنەر نېمەتلەردىن، پەرۋەردىگارغا تەلپۈنگەنلەر مەدھىيەلەر ئۇنى، خۇدا مەڭگۈ ياشناتقاي سىلەرنىڭ قەلبىڭلارنى. يۈزلىنەر پەرۋەردىگارغا، ياد ئېتىپ ئۇنى بارچە خەلقلەر، ئى پەرۋەردىگار، سەجدە قىلار ئالدىڭدا بارلىق قەبىلىلەر. بەرھەق، ئالەمنىڭ پادىشاھلىقى تەۋەدۇر پەرۋەردىگارغا، ئۇ سەلتەنەت يۈرگۈزەر بارلىق مىللەت، ئەللەر ئارا. سەجدە قىلار پەرۋەردىگارغا دۇنيادىكى گۈللەنگەن بايلار، تىز پۈكەر ئۇنىڭ ئالدىدا ھەتتا گۆر ئاغزىغا بېرىپ قالغانلار. بولۇر بىر ئەۋلاد پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە، ئىگە بولار ئۇچۇرغا ئەۋلادلار ئىگەم ھەققىدە. جاكارلىنار كېيىنكى ئەۋلادلارغا خۇدانىڭ ھەققانىيلىقى، بايان قىلىنار ئۇنىڭ ھەققانىيلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى. قويچىمدۇر پەرۋەردىگار، باقار ئۇ مېنى، كۆرمەسمەن شۇڭا مەن ھېچ موھتاجلىقنى. يايلىتار ئۇ مېنى ياپيېشىل يايلاقلاردا، باشلاپ بارار شىلدىرلىغان سۇلار بويىغا. ئۇرغۇتار روھىمنى كۈچ-قۇۋۋەت بېرىپ ماڭا، شەرىپى ئۈچۈن باشلار مېنى ھەققانىيەت يولىدا. ئۆتسەممۇ گەر ئۆلۈم سايە تاشلاپ تۇرغان جىلغىلاردىن، ئۆزۈڭ ماڭا يار بولغاچ قورقماسمەن خەتەرلەردىن، ھاساڭ بىلەن تايىقىڭ خالاس قىلار تەشۋىشلەردىن. دۈشمەنلىرىم ئالدىدا داستىخان سېلىپ ماڭا، ئەزىزلەپ مېنى ياغ سۈركەرسەن بېشىمغا، بەخت شارابىم تولۇپ تاشار ھايات جامىمغا. بەرھەق، شاپائەت ۋە مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ، ھەمراھ بولار ئۆمۈرۋايەت ياندىشىپ ماڭا، مەڭگۈ ياشايمەن پەرۋەردىگار ھۇزۇرۇڭدا. پەرۋەردىگارغا تەۋەدۇر دۇنيا، ئۇنىڭدىكى بارلىق مەۋجۇدات، يەر يۈزى ھەم ئۇنىڭدا ياشىغۇچى ھەممە مەخلۇقات. چۈنكى ئۇ دېڭىزلار ئۈستىگە قۇرغاندۇر جاھاننى، چوڭقۇر سۇلار ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلغاندۇر ئۇنى. پەرۋەردىگارنىڭ سىئون تېغىغا كىممۇ چىقالار؟ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدا كىممۇ ئىبادەت قىلالار؟ ئىبادەت قىلالار قولى پاك، قەلبى ساپ بولغان، ساختىغا كۆڭۈل بەرمىگەن، يالغاندىن قەسەم ئىچمىگەن ئىنسان. ئۇنداق ئادەملەر خۇدادىن بەخت تاپار، نىجاتكارى خۇدا تەرىپىدىن ئاقلىنار. مۇشۇنداق ئادەملەر تەلپۈنەر خۇداغا، ئى ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدا، تەلپۈنگۈچىلەردۇر ئۇلار جامالىڭغا. ئېچىلىڭلار ئەي دەرۋازىلار، ئېچىلىڭلار ئەي ئەبەدىيلىك قوۋۇقلار! شەۋكەتلىك پادىشاھ كىرىپ كەلسۇن. بۇ شانۇشەۋكەتلىك پادىشاھ كىمدۇر؟ ئۇ كۈچلۈك، قۇدرەتلىك پەرۋەردىگاردۇر، ئۇ جەڭ مەيدانىدىكى قادىر پەرۋەردىگاردۇر. ئېچىلىڭلار ئەي دەرۋازىلار، ئېچىلىڭلار ئەي ئەبەدىيلىك قوۋۇقلار! شەۋكەتلىك پادىشاھ كىرىپ كەلسۇن. بۇ شانۇشەۋكەتلىك پادىشاھ كىمدۇر؟ ئۇ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردۇر، ئۇ بىردىنبىر شەۋكەتلىك پادىشاھتۇر. ئى پەرۋەردىگار، ساڭا سېغىنىپ ئوقۇيمەن دۇئا. ئى ئىلاھىم، تايىنىپ كەلدىم ئىشىنىمەن ساڭا، يەرگە قارىتىپ شەرمەندە قىلما مېنى، غەلىبە قىلغۇزۇپ ئۈستۈمدىن دۈشمەنلىرىمنى. شەرمەندە بولماس ساڭا ئۈمىد باغلىغانلار، شەرمەندە بولار خائىنلىق قىلىشقا ئۇرۇنغانلار. ئى پەرۋەردىگار، كۆرسەتكىن ماڭا يولۇڭنى، ئۆگەتكىن ماڭا ئۇنىڭدا قانداق مېڭىشنى. تەلىم بەر ماڭا، ھەقىقىتىڭ باشلىسۇن مېنى، چۈنكى سەن قۇتقۇزغۇچى ئىلاھىمسەن، كۈنبويى ساڭا ئۈمىد باغلىغانمەن. ئى پەرۋەردىگار، يادىڭغا ئالغايسەن رەھىمىڭنى، ئەزەلدىن كۆرسەتكەن مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى. ئى پەرۋەردىگار، ئېسىڭدە تۇتمىغىن ئۆسمۈرلۈكتە ئۆتكۈزگەن گۇناھ ۋە ئەيىبلىرىمنى، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭدە ياد ئەتكىن مېنى، كۆرسىتىپ ماڭا مېھرىبانلىقىڭنى. شاپائەتلىك، ئادىلدۇر پەرۋەردىگار، شۇڭا توغرا يولغا باشلىنار گۇناھكارلار. كەمتەرلەرنى يېتەكلەر دۇرۇس يولغا، ئۆز يولىنى ئۆگىتەر كىچىك پېئىللارغا. توغرا يولغا مۇھەببىتى ۋە ساداقىتى بىلەن باشلار، ئەھدىسى ۋە ئەمرلىرىگە رىئايە قىلغۇچىلارنى پەرۋەردىگار. ئى پەرۋەردىگار، قىلىپ ئۆز نامىڭنىڭ ھۆرمىتىنى، گۇناھلىرىم كۆپ بولسىمۇ كەچۈرۈم قىلغىن مېنى. ئەگەر كىمكى ئىخلاس قىلسا پەرۋەردىگارغا، دۇرۇس يولنى ئۆگىتەر ئۇنىڭغا خۇدا. بەخت-سائادەت ئىچىدە ياشار ئۇ كىشى، زېمىنىغا ۋارىسلىق قىلار ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى. خۇدا ئۆزىگە ئىخلاس قىلغانلارنى دوست تۇتار، ئۇلارغا ئۆز ئەھدىسىنى ئېنىق تونۇتار. تىكىمەن دائىم پەرۋەردىگارغا كۆزلىرىمنى، تۇزاقتىن ئۇ تارتىپ ئالار پۇتلىرىمنى. ھالىمغا باق ئى ئىگەم ھىممىتىڭنى كۆرسەت ماڭا، يالغۇزدۇرمەن، قالدىم ئازاب، كۈلپەت ئارا. دەرد-ئەلەملەر باسماقتا يۈرىكىمنى، شۇ دەردلەردىن قۇتقۇزغىن ئۆزۈڭ مېنى. نەزىرىڭدىن ئۆتكۈزگىن ئازاب ۋە دەردلىرىمنى، كەچۈرگىن ئۆزۈڭ بارلىق گۇناھلىرىمنى. دۈشمەنلىرىم نەقەدەر كۆپتۇر، قارا، ۋەھشىيلەرچە ئۆچ بولماقتا ئۇلار ماڭا. قۇتقۇز ھەم قوغدىغىن ھاياتىمنى، شەرمەندە قىلما مېنى، باشپاناھىم بىلىمەن پەقەت سېنى. دىيانەتلىك، دۇرۇسلۇق قوغدىغاي مېنى، چۈنكى، ساڭا باغلىدىم ئۈمىدىمنى. ئى خۇدا، بارلىق كۈلپەتلەردىن قۇتقۇزغىن ئىسرائىللارنى. ئى پەرۋەردىگار، ئاقلىغىن مېنى، ساقلاپ كەلدىم دىيانىتىمنى، تايانچىم قىلدىم پەقەت سېنى. ئى پەرۋەردىگار، سىناپ كۆر، كۆزەت مېنى، پاكلىغىن مېنىڭ نىيەت، قەلبىمنى. ئايان بولغاچ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ كۆز ئالدىمدا، مېڭىپ كەلدىم سەن كۆرسەتكەن ھەقىقەت يولۇڭدا. شېرىك ئەمەسمەن يالغانچىلارغا، ئارىلاشمايمەن ساختىپەزلەرگە. يىرگىنىمەن پاسىقلاردىن، رەزىللەر بىلەن بولمايمەن بىرگە. ئى پەرۋەردىگار، پاك قەلبتە يۇيارمەن قوللىرىمنى، ئايلىنارمەن ئاندىن سېنىڭ قۇربانلىق سۇپاڭنى. شۈكۈر ئېيتاي كۆتۈرۈپ ئاۋازىمنى، بايان ئەيلەپ سېنىڭ بارلىق كارامەتلىرىڭنى. ئى پەرۋەردىگار، سۆيىمەن سەن تۇرغان ئىبادەتخانىنى، شەۋكىتىڭ نامايان بولغان جاينى. گۇناھكارلار قاتارى ئالمىغىن جېنىمنى، قانخورلار قاتارى ھاياتىمنى. پارىغا تولۇپ ئۇلارنىڭ ئوڭ قوللىرى، سۇيىقەست بىلەن بۇلغانغاندۇر قوللىرى. مەن بولسام يوقاتمىدىم دىيانىتىمنى، ئىلتىپات قىلىپ، قۇتقۇز مېنى. پۇتلىرىم تۇرار مېنىڭ بىخەتەر يەردە، تەرىپلەيمەن پەرۋەردىگارنى تەقۋادارلار جامائىتىدە. نىجاتلىقىم ۋە نۇرۇم تۇرسا پەرۋەردىگار، مەن يەنە كىملەردىن قورقۇپ ياشاي؟ ھاياتىمنىڭ قورغىنى تۇرسا پەرۋەردىگار، يەنە كىملەر ئالدىدا تىترەپ تۇراي؟ رەقىبلىرىم، دۈشمەنلىرىم پۇتلىشىپ چۈشتى دۈم، گۆشۈمنى يېمەك بولۇپ ماڭا قىلغاندا ھۇجۇم. ياۋ لەشكەرلىرى ئالسىمۇ مېنى قورشاۋغا، قورقۇنچ بولماس قەلبىمدە ئەسلا. ئاتلانسىمۇ ئۇلار ماڭا قارشى جەڭگە، تەۋرەنمەس ئىشەنچىم باردۇر يەنىلا. ئۆتۈنىمەن پەرۋەردىگاردىن بىر ئىشنى، ئېيتاي يەنى ئىستىگىمنى: «ياشاپ بىر ئۆمۈر پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە، قانسام ئۇنىڭ گۈزەل ھۆسنىگە، تەپەككۇر قىلالىسام ئىگەم ھەققىدە.» ئېغىر كۈنلەر كەلگىنىدە بېشىمغا، ئالار ئۇ مېنى سايىۋىنى ئاستىغا. چىقىرىپ مېنى پاناھلىنىدىغان ئېگىز جايغا، يوشۇرۇپ قۇيار مۇقەددەس چېدىرىغا. ئەمدى قەددىم كۆتۈرۈلدى رەقىبلىرىم ئالدىدا. شادلىق بىلەن ئالقىشلاپ پەرۋەردىگارنى، قىلارمەن قۇربانلىق خۇدانىڭ چېدىرىدا، ئۇنى كۈيلەيمەن ياڭرىتىپ نەغمە-ناۋا. ئى پەرۋەردىگار، ئاڭلىغايسەن ئاۋازىمنى قىلسام نىدا، كۆرسەتكەيسەن ئىلتىپات جاۋاب بېرىپ ماڭا. «ئى پەرۋەردىگار، تەلپۈنىمەن پەقەت ساڭا» دېدىم مەن، دېگىنىڭدە «تەلپۈنگىن ماڭا». قاچۇرمىغىن مېنىڭدىن دىدارىڭنى، تاشلىمىغىن غەزىپىڭدە مەن قۇلۇڭنى. بولۇپ كەلدىڭ ئى خۇدا، مەدەتكارىم، تەرك ئەتمە، تاشلىما مېنى، نىجاتكارىم. ۋاز كەچسىمۇ مېنىڭدىن ئاتا-ئانام، ئۆز قوينىغا ئالار مېنى پەرۋەردىگارىم. ئى پەرۋەردىگار، ھەق يولۇڭنى ئۆگەت ماڭا، باشلا مېنى ھەققانىيەت يولۇڭغا، چۈنكى باردۇر دۈشمەنلىرىم ئەتراپىمدا. تاشلاپ قويما رەقىبلىرىمنىڭ مەيلىگە مېنى، باشلىدى بۇ ساختا گۇۋاھچىلار ماڭا قارشى ھۇجۇمنى، شۇنچە ياۋۇز، زەھەردۇر ئۇلارنىڭ تىللىرى. يوقىتار ئىدىم ئۆزۈمنى ئەگەر ئىشەنچىم بولمىسا كۆرۈشكە پەرۋەردىگارنىڭ مېھرىبانلىقىنى بۇ دۇنيادا. تەلمۈرۈپ كۈتكىن پەرۋەردىگارنى، دادىل بول، جۈرئەتلىك قىل يۈرىكىڭنى، شۇنداق، تەلمۈرۈپ كۈتكىن پەرۋەردىگارنى. ئى پەرۋەردىگار، ئىلتىجا قىلىمەن ساڭا، ئى قورام تېشىم، قۇلاق سالماي قويمىغىن ماڭا. ئەگەر جىم تۇرۇۋېلىپ بەرمىسەڭ جاۋاب، قالارمەن گويا گۆردىكى مۇردىغا ئوخشاپ. مۇقەددەس جايىڭ تەرەپكە قىلىپ يۈزۈمنى، كۆتۈرۈپ تۇرۇپ قولۇمنى، بايان قىلسام دەردىمنى، ئاڭلىغىن، ساڭا قىلغان ئۆتۈنۈشۈمنى. يامانلىق قىلغۇچىلار، رەزىللەر قاتارىغا، چۈشۈرۈپ قويمىغىن مېنى ئەسلا، دوستانە بولسىمۇ ئۇلار قوشنىلىرىغا، يامانلىق ئويلار دىللىرىدا. جازالىغايسەن ئۇلارنى قىلمىشلىرىغا قاراپ، قىلغان يامانلىقلىرىنى ھېسابلاپ. قايتۇرۇپ بەرگىن ئەمەللىرىگە لايىق جازا، قوللىرىنىڭ قىلغانلىرىنى ساناپ. پەرۋەردىگار ۋەيران قىلار رەزىللەرنى، ئەسلىگە كەلتۈرمەس قايتىدىن ئۇلارنى. چۈنكى ئۇلار كۆزگە ئىلماس خۇدانىڭ ئەجرىنى، پىسەنتىگە ئالماس ئۇنىڭ ياراتقانلىرىنى. ھەمدۇسانا ئوقۇلسۇن پەرۋەردىگارغا، قۇلاق سالدى ئۇ مېنىڭ ئىلتىجايىمغا. قۇدرىتىم ۋە قالقىنىمدۇر پەرۋەردىگار، ياردىمىگە ئېرىشتىم ئىشەنچ باغلاپ ئۇنىڭغا. شۇڭا مەن شادلىنىپ قەلبىمدىن، شۈكۈر ئېيتارمەن ئۇنىڭغا مۇناجىتىمدا. كۈچ-قۇدرىتىدۇر پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ، نىجاتلىق قورغىنىدۇر ئۆزى تاللىغان پادىشاھنىڭ. ئى پەرۋەردىگار، قۇتقۇزغايسەن ئۆز خەلقىڭنى، بەرىكەتلىك قىلغايسەن ئۆزۈڭگە تەۋە بولغانلارنى، چوپانى بولۇپ باققايسەن مەڭگۈ ئۇلارنى. ئەي پەرىشتىلەر، تەرىپلەڭلار پەرۋەردىگارنى، تەرىپلەڭلار ئۇنىڭ شان-شەرىپى ۋە قۇدرىتىنى. تەرىپلەڭلار پەرۋەردىگارنى مۇناسىپ ئۇنىڭ نامىغا، سەجدە قىلىڭلار پارلاق، مۇقەددەس پەرۋەردىگارغا. پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنار دېڭىز-ئوكىيانلاردا، گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىتەر شانۇشەۋكەتلىك خۇدا، ئۇنىڭ ئاۋازى بىپايان سۇلار ئۈستىدە ياڭرىتىپ سادا. پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى قۇدرەتلىكتۇر، پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى ھەيۋەتلىكتۇر. جاراڭلىسا پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى سۇنۇپ كېتەر كېدىر دەرەخلىرى، شۇنداق، پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىدا پارە-پارە بولۇپ كېتەر لىۋان كېدىرلىرى. جاراڭلىسا پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى موزايدەك سەكرەپ كېتەر لىۋان تاغلىرى، كۆندۈرۈلمىگەن بۇقىدەك تاقلاپ كېتەر سىريون تېغى. پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى چاقتۇرار چاقماقلارنى. پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى تىترىتەر چۆل-جەزىرىنى، پەرۋەردىگار زىلزىلىگە سالار كادېش چۆللۈكىنى. ياڭرىسا پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى تولغىنار دۇپ دەرەخلىرى، يالىڭاچلىنار ئورمانلار جاراڭلىسا پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى. «ئاجايىپ ئۇلۇغدۇر خۇدا» دەپ ۋارقىرىشار، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا تۇرغانلار. توپان بالاسى بولغاندا پەرۋەردىگار ئىدى ئۆز تەختىدە، پادىشاھتۇر پەرۋەردىگار، ئۇ ھۆكۈم سۈرەر مەڭگۈگە. پەرۋەردىگار كۈچ-قۇدرەت بېرەر ئۆز خەلقىگە، تولدۇرار ئۇلارنى تىنچ-ئامانلىق بەختىگە. ئى پەرۋەردىگار، ئۇلۇغلايمەن سېنى، ئۆلۈم گىردابىدىن قۇتقۇزدۇڭ مېنى. مېنى زاڭلىق قىلىپ كۈلۈشكە قويمىدىڭ دۈشمەنلىرىمنى. ئى پەرۋەردىگار، ئى ئىلاھىم، نالە قىلسام ساڭا، شىپالىق بەردىڭ ماڭا. ئۆلۈكلەر ماكانىدىن نېرى قىلدىڭ جېنىمنى، گۆرگە كىرىپ كېتىشتىن ساقلىدىڭ مېنى. ئەي تەقۋادارلار، ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا، شۈكۈر ئېيتىڭلار ئۇنىڭ مۇقەددەس نامىغا. ئۆتۈپ كېتەر غەزىپى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، ئەمما ئۇنىڭ شاپائىتى ھەمراھدۇر ئاداققىچە. كېچىچە داۋام ئەتسىمۇ گەر يىغا-زارە، شاد-خۇراملىق يېتىپ كېلەر سەھەردە. مەغرۇرلىنىپ دېدىم مەن روناق تاپقان چېغىمدا: «تەۋرەنمەسمەن ئەسلا.» ئى پەرۋەردىگار، كۆرسىتىپ ماڭا شاپائىتىڭنى، تاغدەك بۈيۈك قىلدىڭ مېنى. ئەمما بولدۇم ئالاقزادە، قاچۇرغىنىڭدا دىدارىڭنى. ئى پەرۋەردىگار، ئىلتىجا قىلىپ ساڭا، رەھىم تىلەپ دېدىمكى ئىگەم ساڭا: ئۆمرۈم تۈگەپ، كەتسەم ئۆلۈكلەر ماكانىغا، نېمە پايدام تىگەر ساڭا؟ جەسىتىم جاكارلاپ سېنىڭ ۋاپادارلىقىڭنى، ئوقۇيالارمۇ مەدھىيە ساڭا؟ ئى پەرۋەردىگار، كۆرسەتكىن شەپقىتىڭنى قۇلاق سېلىپ ئاھىمغا، ئى پەرۋەردىگار، مەدەتكار بولغىن ماڭا. ئۇسسۇلغا ئايلاندۇرۇپ ماتىمىمنى، سالدۇرۇپ ئۈستۈمدىن ھازا كىيىمىمنى، باغلىدىڭ شادلىق كەمەرى بىلەن بېلىمنى. شۇڭلاشقا ۋۇجۇدۇم سۈكۈت قىلماي ئوقۇسۇن ھەمدۇسانا، ئى پەرۋەردىگار، ئى ئىلاھىم، شۈكۈر ئېيتاي مەڭگۈ ساڭا. ئى پەرۋەردىگار، تاپارمەن سەندىن پاناھ، مېنى ھەرگىز شەرمەندە قىلما، قۇتقۇز مېنى، ھەققانىيسەن دائىما. قۇتقۇز تېزدىن مېنى، قۇلاق سېلىپ ئاھىمغا، پاناھلىناي مەن سەندە، قورام تاش بولغىن ماڭا، قۇتقۇزۇشقا جېنىمنى قورغان بولۇپ بەرگىن ماڭا. بەرھەق، قورام تېشىم، قورغىنىمدۇرسەن مېنىڭ، يېتەكلە مېنى ئۆزۈڭ، ھۆرمىتى ئۈچۈن نامىڭنىڭ. دۈشمەنلەرنىڭ تۇزاقلىرىدىن ساقلىغايسەن، چۈنكى، سەن مېنىڭ باشپاناھىمدۇرسەن. ئى پەرۋەردىگار _ ۋاپادار خۇدا، تاپشۇردۇم روھىمنى قولۇڭغا، تەييارسەن ئۆزۈڭ مېنى قۇتقۇزۇشقا. ئۆچ كۆرىمەن بۇتلارغا چوقۇنىدىغانلارنى، باغلىغانمەن پەرۋەردىگارغا ئىشەنچىمنى. مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ شاد-خۇرام قىلار مېنى، بەرھەق، كۆردۈڭ جاپالىرىمنى، بىلىپ يەتتىڭ ئازابلىرىمنى. مېنى تاشلاپ بەرمىدىڭ دۈشمەن قولىغا، ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇڭ بىخەتەر جايغا. ئى پەرۋەردىگار، قىلغايسەن ماڭا رەھىم، چۈنكى، مەن كۈلپەتتە قالدىم، دەرد-ئەلەمدىن خىرەلەشتى كۆزلىرىم، ئاجىزلاپ كەتتى ھەم روھىم، تېنىم. ئۇپرىماقتا ھەسرەت بىلەن ھاياتىم، غەم-قايغۇدا تۈگىمەكتە يىللىرىم، ماغدۇرۇم كەتمەكتە گۇناھلىرىم دەستىدىن، قۇرۇپ، قاقشال بولماقتا ئۇستىخان، يىلىكلىرىم. قالدىم دۈشمەنلىرىمنىڭ ھاقارىتىگە، ھەتتا قوشنىلىرىمنىڭ ئاھانىتىگە. بولدۇم مەن تونۇشلىرىمغا بىر ۋەھىمە، قاچار ئۇلار كوچىدا مېنى كۆرسە. ئۇنتۇلدۇم مەن خۇددى ئۆلگەن ئادەملەردەك، تاشلاندىم بەئەينى سۇنغان ساپال قاچىلاردەك. ئاڭلىدىم ماڭا قىلغان تۆھمەتلەرنى، ۋەھىمە ئوراپ تۇرار ئەتراپىمنى. مەسلىھەتلىشەر ماڭا قارشى ئۇلار، پىلان تۈزەر ئالماق بولۇپ جېنىمنى. ئى پەرۋەردىگار، تايانچىم پەقەت سەن، دەيمەن شۇڭا: «سەن مېنىڭ خۇدايىمسەن.» ھاياتىم ئىلكىڭدىدۇر پەقەت سېنىڭ، چاڭگىلىدىن قۇتقۇز مېنى دۈشمەنلىرىمنىڭ _ ماڭا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارنىڭ. چۈشۈرگىن قۇلۇڭغا دىدارىڭنىڭ نۇرىنى، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭدە قۇتقۇزغىن مېنى. ئى پەرۋەردىگار، مېنى ھەرگىز شەرمەندە قىلما، چۈنكى مەن ئىلتىجا قىلدىم ساڭا. رەزىللەر بولغاي شەرمەندە، زۇۋانى تۇتۇلۇپ بارغاي گۆرگە. ھەققانىيلارغا كىبىر كۆرسىتىپ، مازاق قىلغۇچىلارنىڭ، چاپلىشىپ قالغاي يالغان سۆزلىگەن لەۋلىرى ئۇلارنىڭ. ئى پەرۋەردىگار، ساڭا ئىخلاس قىلغانلارغا، ئىلتىپاتلىرىڭ نەقەدەر مولدۇر ئۇلارغا. ئاتا قىلىسەن نېمەتلىرىڭنى سېنى پاناھ تارتقانلارغا، جاھان ئەھلى _ خەلقىئالەم ئالدىدا. سېنى پاناھ قىلغانلارنى ساقلاپ ھۇزۇرۇڭدا، قوغدايسەن ئىنسانلارنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن، ئېلىپ ئۇلارنى ئۆز پاناھىڭغا، ساقلايسەن چېقىمچىلارنىڭ تىللىرىدىن. ھەمدۇسانالار بولسۇن پەرۋەردىگارغا، چۈنكى ئۇ كۆرسەتتى ماڭا ئۆزىنىڭ چەكسىز مېھىر-مۇھەببىتىنى، شەھەر قورشاۋدا قالغاندا. دەككە-دۈككىدە دېگەنىدىم: «نەزىرىڭدىن مەھرۇم بولدۇم.» لېكىن ساڭا نالە قىلىپ يىغلىغىنىمدا، قۇلاق سالدىڭ پەريادىمغا. ئەي پەرۋەردىگارنىڭ تەقۋادارلىرى، سۆيۈڭلار ئۇنى، پەرۋەردىگار قوغدار ئۆزىگە سادىقلارنى، ئەمما قاتتىق جازالار ھاكاۋۇرلارنى. ئەي ئۈمىدىنى پەرۋەردىگارغا باغلىغانلار، غەيرەتلىك بولۇڭلار، جاسارەتكە تولسۇن قەلبىڭلار. نەقەدەر بەختلىك ئىنسانلار-ھە، گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنغانلار، ئىتائەتسىزلىكى ئەپۇ قىلىنغانلار. نەقەدەر بەختلىك ئىنسانلار-ھە، خۇدا گۇناھلىرىنى ساقىت قىلغانلار، كۆڭۈللىرىدە ھىيلە-مىكىر بولمىغانلار. ئىقرار بولماي گۇناھلىرىمغا، يۈردۈم كۈنبويى ئاھ ئۇرۇپ، چىرىدى ئۇستىخانلىرىم ئازابتا. ئى پەرۋەردىگار، كېچە-كۈندۈز جازالىشىڭ ئېغىر كەلدى ماڭا، ئىلىكلىرىم قۇرۇپ كەتتى، قۇرۇپ كەتكەن سۇ كەبى تومۇزدا. ئەمدى ئىقرار قىلدىم گۇناھلىرىمنى، تونۇدۇم ئالدىڭدا ئەسكىلىكىمنى. دېگىنىمدە: «پەرۋەردىگار، ئىقرارمەن گۇناھىمغا»، خالاس قىلدىڭ ئازابتىن مېنى، كەچۈرۈپ گۇناھلىرىمنى. شۇڭا دۇئا قىلسۇن ساڭا، تەقۋادارلار پۇرسىتىنىڭ بارىدا. دېڭىز-ئوكيان تاشقىن بولۇپ تاشسىمۇ ناۋادا، شۈبھىسىزكى، تاشقىنلىرى يېتىپ بارالماس ئۇلارغا. ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ پاناھگاھىمدۇرسەن، ساقلايسەن كۈلپەتتىن مېنى، ياڭرار ئەتراپىمدا نىجاتلىق ناخشىلىرى. ئەقىل-ئىدراك بېرىپ ساڭا كۆرسىتىمەن يولۇڭنى، ھالىڭدىن خەۋەر ئېلىپ ئۆگىتىمەن يولۇمدا مېڭىشنى. ئات ياكى قېچىردەك ئاڭسىز بولما، قامچا، يۈگەن بولمىسا بويسۇنماس ئۇلار ساڭا. دەرد-ئەلەملەر كېلەر يامانلارنىڭ بېشىغا، پەرۋەردىگارنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتى قۇچاق ئاچار ئۇنىڭغا تايانغانلارغا. ئەي ھەققانىيلار، پەرۋەردىگاردىن خۇرسەن بولۇپ شادلىنىڭلار، ئەي قەلبى پاكلار، شادلىقتىن ئالقىش ياڭرىتىڭلار. ئەي ھەققانىيلار، پەرۋەردىگارنى كۈيلەڭلار شادلىقتا، ئۇنى مەدھىيەلەش يارىشار دۇرۇس يولدا ماڭغانلارغا. لىرا چېلىپ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈڭلار پەرۋەردىگارغا، كۈي چېلىڭلار ئون تارلىق چىلتاردا ئاتاپ ئۇنىڭغا. يېڭى ناخشا ئېيتىڭلار بېغىشلاپ خۇداغا، شادلىق بىلەن ياڭرىسۇن ئاۋازىڭلار، چېكىڭلار تارىنى يەتكۈزۈپ ۋايىغا. چۈنكى، ھەقىقەتتۇر پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرى، ساداقەتلىكتۇر ئۇنىڭ بارلىق ئىشلىرى. ئۇ سۆيەر ھەققانىيەت ۋە ئادالەتنى، تولدۇرغاندۇر زېمىنغا مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى. يارالدى ئاسمان پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقىدا، يۇلتۇزلار ئۇنىڭ نەپەس تىنىقىدا. چەك-چېگرا بېكىتتى ئۇ ئوكيانلارغا، ساقلىغاندۇر ئۇ سۇلارنى ئامبارلىرىدا. ئەيمەنسۇن پەرۋەردىگاردىن جىمى مەخلۇقاتلار، قورقسۇن ئۇنىڭدىن دۇنيادىكى بارلىق ئىنسانلار. چۈنكى خۇدا «بار بولسۇن» دېسە بار بولدى، ئەمرىدىن يوق نەرسىلەر ئاپىرىدە بولدى. بىكار قىلار پەرۋەردىگار خۇداسىزلارنىڭ قارارلىرىنى، يوق قىلار ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە پۈككەن مەقسەتلىرىنى. ئەمما مەڭگۈلۈكتۇر پەرۋەردىگارنىڭ قارارلىرى، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە ئەمەلگە ئاشار مەقسەتلىرى. پەرۋەردىگارنى خۇدايىمىز دەپ تونۇغانلار بەختلىكتۇر، پەرۋەردىگار ئۆزىگە تەۋە قىلىپ تاللىغان خەلق بەختلىكتۇر. ئەرشتىن نەزەر سېلىپ پەرۋەردىگار، جىمىكى ئىنسانلارنى كۆرۈپ تۇرار. تەختىدە ئولتۇرۇپ خۇدا، نەزەر سالار ئىنسانلارغا. خۇدا ياراتقاچ ئىنسانلارنىڭ يۈرىكىنى، بىلىپ تۇرار ئۇلارنىڭ جىمى ئىشلىرىنى. پادىشاھ غالىب بولالماس قوشۇنىنىڭ بۈيۈكلىكى بىلەن، پالۋان قۇتقۇزالماس ئۆزىنى كۈچتۈڭگۈرلۈكى بىلەن. ئەخمەقلىقتۇر قۇتۇلىمەن دېيىش مەغلۇبىيەتتىن ئات بىلەن، قۇتقۇزالماس ھېچكىمنى ئات قارا كۈچى بىلەن. بەرھەق، خۇدانىڭ نەزىرى ئۇنىڭغا ئىخلاس قىلغانلاردا، ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىگە ئۈمىد باغلىغانلاردا. قۇتقۇزىدۇ ئۇلارنى ئۆلۈمدىن، ساقلايدۇ ئاچارچىلىقتىن. پەرۋەردىگارنى تەلمۈرۈپ كۈتىمىز، ئۇدۇر بىزنىڭ مەدەتكار، قالقىنىمىز. شادلىنار ئۇنىڭدىن قەلبىمىز، چۈنكى، مۇقەددەس خۇداغا ئىشەنچ باغلىدۇق بىز. ئى پەرۋەردىگار، ئۈمىدىمىز سەندە، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ يار بولغاي بىزگە. تەرىپلەيمەن ھەر دائىم پەرۋەردىگارنى، چۈشۈرمەسمەن ئاغزىمدىن مەدھىيەلەشنى. چىن دىلىمدىن ئاپىرىن ئوقۇيمەن پەرۋەردىگارغا، ئاڭلاپ بۇنى ئاجىزلار چۆمۈلەر خۇشاللىققا. مەدھىيەلەيلى بىرلىكتە پەرۋەردىگارنىڭ بۈيۈكلۈكىنى، ئۇلۇغلايلى ھەممىمىز ئۇنىڭ نامىنى. ئىجابەت قىلىپ پەرۋەردىگار دۇئايىمنى، ھەممە ۋەھىمىلەردىن خالاس قىلدى مېنى. نۇرلىنار چېھرى باقسا كىم سېغىنىپ خۇداغا، يەرگە قاراپ قالماس ئۇلارنىڭ يۈزلىرى ئەسلا. پەرۋەردىگار ئاڭلاپ پېقىرنىڭ نىدايىنى، ھەممە كۈلپەتلەردىن قۇتقۇزدى مېنى. ھەر تەرەپتىن قوغداپ خۇدانىڭ پەرىشتىسى، قۇتقۇزار خەۋپتىن پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەنلەرنى. ھېس قىلغىن ۋە بىلگىن خۇدانىڭ مېھرىبانلىقىنى، شۇنچىلىك بەختلىك بولار باشپاناھ قىلغانلار ئۇنى. پەرۋەردىگارغا ئىخلاس قىلىڭلار، ئەي ئۇنىڭ تەقۋادارلىرى، ئۇنىڭغا ئىخلاس قىلغانلارنىڭ كەم بولماس ھېچ نەرسىسى. ئۇسسۇز ۋە ئاچ قېلىشى مۇمكىن كۈچلۈك ئارسلانلار، ئەمما قالماس ھېچ موھتاجلىقتا پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلىغانلار. كېلىڭلار ئەي بالىلىرىم، قۇلاق سېلىڭلار سۆزۈمگە، پەرۋەردىگارغا ئىخلاس قىلىشنى ئۆگىتەي سىلەرگە. كىمكى ئىستىسە ھاياتتىن زوقلىنىشنى، بەختلىك ياشاپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى، تارتسۇن تىلىنى يامان سۆزدىن، چىقمىسۇن يالغان سۆزلەر لەۋلىرىدىن. يامانلىقتىن باش تارتىپ، قىلسۇن ياخشىلىق، ئىزدىسۇن تىنچ-ئامانلىق. پەرۋەردىگار نەزەر سالار ھەققانىيلارغا، جاۋاب بېرەر ئۇلارنىڭ نىدالىرىغا. يۈز ئۆرەر پەرۋەردىگار رەزىللەردىن، يوق قىلار ناملىرىنى يەر يۈزىدىن. قۇلاق سالار پەرۋەردىگار نالە قىلسا ھەققانىيلار، ئۇلارنى بارلىق كۈلپەتلەردىن قۇتۇلدۇرار. مىسكىنلەرگە يېقىندۇر پەرۋەردىگار، روھى ئازاب چەككەنلەرنى قۇتقۇزار. كۆپ بولار ھەققانىي ئادەم دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار، ئەمما ئۇلاردىن خالاس قىلار پەرۋەردىگار. ئامان ساقلار خۇدا ئۇنىڭ بارلىق سۆڭەكلىرىنى، ھەتتا سۇنۇق قىلماس بىر تال ئۇستىخىنىنى. ئۆلۈم ئېلىپ كېلەر ئۆزلىرىگە رەزىللەرنىڭ قىلمىشلىرى، جازالىنار ئۆچ كۆرگەنلەر ھەققانىيلارنى. قۇتقۇزار تەقۋادارلىرىنىڭ ھاياتىنى پەرۋەردىگار، كىمكى ئۇنى پاناھ قىلسا جازادىن خالىي بولار. ئى پەرۋەردىگار، قارشى چىققىن ماڭا قارشى چىققانلارغا، ئۇرۇش قىلغىن ماڭا قارشى ئۇرۇش قىلغانلارغا. قالقانلىرىڭنى ئېلىپ قولۇڭغا، ياردەم قىلغىن كېلىپ يېنىمغا. ئايپالتا ۋە نەيزەڭ بىلەن توسۇۋالغىن مېنى قوغلاپ كەلگەنلەرنى، «مەن سېنىڭ قۇتقۇزغۇچىڭ» دەپ ماڭا، رىغبەتلەندۈر روھىمنى. جېنىمنى ئالماق بولغانلار، شەرمەندە بولغاي، رەسۋا بولۇپ. ماڭا سۇيىقەست قىلىۋاتقانلار، يانسۇن كەينىگە، قارا يۈز بولۇپ. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇلارنى يىراق قوغلىۋەتكەي، ئۇلار گويا شامالدا ئۇچقان ساماندەك توزۇپ كەتكەي. قوغلىۋەتكەي ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى، قاراڭغۇ ھەم تېيىلغاق بولغاي ئۇلارنىڭ ماڭغان يوللىرى. ئۇلار ماڭا تۇزاق قۇرۇپ سەۋەبسىزلا، ئالماق بولدى جېنىمنى كولاپ ئورا. تۇيۇقسىز بالا كەلگەي ئۇلارنىڭ باشلىرىغا، يۆگىشىپ قالسۇن ئۆزلىرى قۇرغان تورىغا، ھالاك بولسۇن چۈشۈپ ئۆزلىرى كولىغان ئورىغا. شادلىنارمەن شۇندا مەن پەرۋەردىگاردىن، بولارمەن خۇشال ماڭا بەرگەن نىجاتلىقىدىن. دەيمەن چىن قەلبىمدىن: «ئى پەرۋەردىگار، تەڭ كېلەر كىممۇ ساڭا؟ ئاجىزلارنى كۈچلۈكلەردىن قۇتقۇزغۇچى پەقەت سەنلا، ئېزىلگەن، موھتاجلارنى زالىملاردىن قوغدايدىغان يەنە سەنلا.» ئوتتۇرىغا چىقىپ نىيىتى يامان گۇۋاھچىلار، خەۋىرىم يوق ئىشلارنى سوراپ سوراق قىلار. ياخشىلىقىمغا يامانلىق قايتۇرۇپ ئۇلار، ئىچ-ئىچىمدىن مېنى ئازابتا قالدۇرار. ماتا كىيدىم قايغۇرۇپ، ئۇلار كېسەل بولغاندا، كەمتەر بولۇپ روزا تۇتتۇم، ئۇلار ئۈچۈن قىلدىم دۇئا، جاۋابسىز قالدى لېكىن دۇئالىرىم ھەر زامان. قايغۇردۇم قېرىندىشىم ياكى دوستۇم ئۈچۈن ئازابلانغاندەك، مەيۈسلەندىم خۇددى ئانىسى ئۈچۈن ماتەم تۇتقان ئادەمدەك. پۇتلىشىپ كېتىۋېدىم خۇشال بولۇپ ئولاشتى ئەتراپىمغا، جەم بولۇشتى ھەم ماڭا قارشى چىقىشقا. ناتونۇش پەس ئادەملەرمۇ قوشۇلۇپ ئۇلارغا، مازاق قىلىپ، توختىماي زەربە بەردى ماڭا. نومۇسسىزلارچە مەسخىرە قىلىشىپ مېنى، خىرىس قىلىشىپ، غۇچۇرلاتتى چىشلىرىنى. ئى پەرۋەردىگار، قاراپ تۇرارسەن قاچانغىچە؟ قۇتقۇز مېنى ياۋۇزلارنىڭ زەربىسىدىن، ئەزىز جېنىمنى قانخور شىرنىڭ ئېغىزىدىن. تەشەككۈر ئېيتىمەن ساڭا جامائەت ئالدىدا، مەدھىيەلەيمەن سېنى تەقۋادارلار ئارىسىدا. زاڭلىق قىلىپ كۈلمىسۇن ماڭا سەۋەبسىزلا رەقىب بولغانلار، كۆزلىرىنى ئالايتمىسۇن ماڭا سەۋەبسىز ئۆچ بولۇپ قالغانلار. شۈبھىسىزكى، ئېلىپ قويماس ئۇلار ئىناقلىقنى ئېغىزلىرىغا، بەلكى تۈزەر شۇم پىلانلار تىنچ-خاتىرجەم ياشايدىغانلارغا. ۋارقىرىشار ئۇلار ماڭا چوڭ ئېچىپ ئېغىزلىرىنى: «ۋاي، كۆردۇق ئۆز كۆزىمىز بىلەن قىلمىشلىرىڭنى.» ئى ئىگەم، كۆردۈڭ ئۇلارنى، سۈكۈت قىلمىغىن، ئى پەرۋەردىگار، مەندىن يىراقلاشمىغىن. ئۆتۈنەي، چىقارغىن ماڭا ئادىل ھۆكۈمۈڭنى، ئى خۇدا، ئى ئىگەم قوللىغايسەن دەۋايىمنى. ئى پەرۋەردىگار، ئىلاھىم ئادالىتىڭدە ئاقلىغىن مېنى، مەسخىرە قىلىپ كۈلۈشكە يول قويمىغىن دۈشمەنلىرىمنى. يول قويمىغىن، «ئارزۇيىمىز ئەمەلگە ئاشتى» دېيىشكە ئۇلارنى، يول قويمىغىن، «بىز ئاخىر يۇتۇۋالدۇق ئۇنى» دەپ ماختىنىشقا ئۇلارنى. كۈلپىتىمدىن خۇشال بولغانلار، غەپلەت بېسىپ شەرمەندە بولغاي. مەندىن ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتقانلار، رەسۋا بولۇپ نومۇستا قالغاي. گۇناھسىزلىقىمدىن خۇش بولىدىغانلار، چۇقان سالسۇن چۆمۈپ شادلىققا. «قۇلىنىڭ ئامانلىقىدىن سۆيۈنگەن پەرۋەردىگار ئۇلۇغدۇر» دېسۇن ئۇلار ھەر چاغدا. بايان ئەيلەر تىلىم ئادالىتىڭنى، كۈنبويى مەدھىيەلەيمەن سېنى. بىر چۈشەنچە ئايان بولدى قەلبىمگە، رەزىللەرنىڭ ئىتائەتسىزلىكى ھەققىدە. خۇدادىن قورقۇش يوقتۇر ئۇلارنىڭ نەزىرىدە. ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتار ئۇلار مەغرۇرلۇقتا، تونۇماس گۇناھلىرىنى ھەتتا، نەپرەتلەنمەس ئۇلاردىن ئەسلا. ھىيلە-مىكىر، زەھەر چىقار ئېغىزلىرىدىن، باش تارتىدۇ ئاقىلانە، ياخشى ئىشلاردىن. رەزىل پىلان تۈزۈشەر ياتقاندىمۇ كېچىلىرى، ئاتقاندۇر گۇناھ يولىغا ئۆزلىرىنى، ھېچقاچان رەت قىلماس يامانلىقنى. ئى پەرۋەردىگار، مۇھەببىتىڭ ئەرش كەبى بۈيۈكلۈكتە، ۋاپادارلىقىڭ ئاسمان-پەلەك چەكسىزلىكىدە. ئى پەرۋەردىگار، ھەققانىيلىقىڭ ئوخشار بۈيۈك تاغلارغا، ھۆكۈملىرىڭ دېڭىز-ئوكيان چوڭقۇرلۇقىغا، غەمخورلۇق قىلىسەن ئىنسان ھەم ھايۋانغا. بىباھادۇر مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ، ئى خۇدا، پاناھ تاپار ئىنسانلار قاناتلىرىڭ سايىسىدا. قانائەتلىنەر ئۇلار ئۆيۈڭدىكى مول نېمەتلەردىن، بەھرە ئالار سېنىڭ ھۇزۇرلۇق دەريالىرىڭدىن. چۈنكى ئۆزۈڭ ھاياتلىق بۇلىقىسەن، كۆرىمىز ھەقىقەتنى نۇرۇڭ بىلەن. ئايرىلمىغاي مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ سېنى تونۇغانلاردىن، ئايرىلمىغاي ئادالىتىڭ قەلبى پاكلاردىن. دەسسىمىسۇن مېنى تەكەببۇرلار، قوغلىمىسۇن مېنى رەزىللەر. قارا مانا، غۇلاپ چۈشتى يامانلىق قىلغۇچىلار، يىقىتىلدى، ئەمدى تۇرالماس ئۇلار. رەزىللەردىن كۆڭلۈڭنى بىئارام قىلما، يامانلارغا ئىچىڭدىن ھەسەت قىلما. چۆپتەك قۇرۇپ كېتەر ئۇلار شۇنچە تىزلا، مامكاپتەك توزۇپ كېتەر بىردەمدىلا. ياخشىلىق قىل، ئىشەنچ باغلا پەرۋەردىگارغا، تىنچ-ئامان ياشايسەن خۇدا بەرگەن زېمىندا. شادلىقىم دەپ بىلسەڭ ئەگەر پەرۋەردىگارنى، ئۇ ئەمەلگە ئاشۇرار قەلبىڭدىكى ئارزۇلارنى. ئامانەت قىل ئىشلىرىڭنى پەرۋەردىگارغا، ئۇ يېتەكچى بولار ساڭا، ئىشەن ئۇنىڭغا. تاڭ سەھەردەك يورۇتار ئۇ ھەققانىيلىقىڭنى، چۈشتىكى قۇياش كەبى چاقنىتار گۇناھسىزلىقىڭنى. سەۋر بىلەن سۈكۈت قىلىپ كۈتكىن پەرۋەردىگارنى، بىئارام بولمىغىن روناق تاپقان رەزىللەردىن، ھارام پىلانى ئەمەلگە ئاشقانلاردىن. يانغىن ئاچچىقىڭدىن، باسقىن غەزىپىڭنى، بىسەرەمجان بولما، بىئاراملىق ئېلىپ كېلەر پەقەت يامانلىقنى. زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ رەزىللىك قىلغۇچىلار، ئەمما زېمىنغا ئىگە بولىدۇ ئۈمىدىنى پەرۋەردىگارغا باغلىغانلار. پات يېقىندا تۈگەيدۇ رەزىللەرنىڭ كۈنلىرى، يوقىلار ماكانلىرىدىن، ئىزدەپمۇ تاپالمايسەن ئۇلارنى. لېكىن كەمتەرلىك بىلەن خۇداغا تايىنىدىغانلار، زېمىنغا ئىگە بولۇپ، مول بەرىكەتتىن ھۇزۇرلىنار. رەزىللەر قەست قىلىدۇ ھەققانىيلارغا، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ، ئۆچ بولۇپ ئۇلارغا. ئەمما ئىگىمىز مەسخىرە قىلار رەزىللەرنى، چۈنكى، ئۇ بىلەر ئۇلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى. يىقىتىش ئۈچۈن بىچارە، موھتاجلارنى، رەزىللەر تارتتى ئوقياسىنىڭ كىرىچىنى. قىرىش ئۈچۈن دۇرۇس يولدا ماڭغانلارنى، غىلىپىدىن سۇغاردى قىلىچىنى. ئاخىرى ئۇلارنىڭ سۇندۇرۇلۇپ يالىرى، ئۆز يۈرەكلىرىگە سانجىلىدۇ قىلىچلىرى. قولىدىكى ئاز دۇنيامۇ ھەققانىي ئادەملەرنىڭ، ئەۋزەلدۇر نۇرغۇن بايلىقلىرىدىن رەزىللەرنىڭ. سۇندۇرۇلىدۇ رەزىللەرنىڭ بىلەكلىرى، پەرۋەردىگار يۆلەپ تۇرار ھەققانىيلارنى. پەرۋەردىگار كۆڭۈل بۆلەر پاك ئىنسانلارغا، بېرىلگەن زېمىنى مەڭگۈ قالار ئۇلارغا. يەرگە قاراپ قالماس ئۇلار ئېغىر كۈنلەردە، توق يۈرۈيدۇ قەھەتچىلىكتە. بىراق ھالاك بولار رەزىللەر، پەرۋەردىگارنىڭ دۈشمەنلىرى ياۋا گۈلدەك توزۇپ تۈگەر، ئىس-تۈتەكتەك غايىب بولۇپ، يوقاپ كېتەر. قەرز ئېلىپ قايتۇرمايدۇ رەزىللەر، ھەققانىيلار شەپقەت بىلەن ساخاۋەت قىلار. زېمىنغا ئىگە بولار پەرۋەردىگارنىڭ بەرىكىتىگە ئېرىشكەنلەر، زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىلار ئۇنىڭ لەنىتىگە ئۇچۇرغانلار. خۇرسەن بولسا بىر ئادەمدىن پەرۋەردىگار، ئۇ ئۇنىڭ قەدەملىرىنى مەزمۇت قىلار. يۆلەپ تۇرغاچقا ئۇنى پەرۋەردىگار، پۇتلاشسىمۇ يىقىلماي مەزمۇت تۇرار. ياش ئىدىم مەن، قېرىدىم ئەمدى، كۆرمىدىم ھېچ خۇدانىڭ ھەققانىي ئادەمنى تاشلىۋەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ نان تىلىگەنلىكىنى. شەپقەتلىك بولۇپ ئۇ ئادەم ئۆتنە بېرەر، پەرزەنتلىرىمۇ بەرىكەت ئېلىپ كېلەر. ياخشىلىق قىلغىن، تاشلا يامانلىقنى، ماكان قىلىسەن مەڭگۈگە خۇدا بەرگەن زېمىننى. چۈنكى پەرۋەردىگار سۆيەر ئادالەتنى، تاشلىماس ئۆزىنىڭ تەقۋادار خەلقىنى. تائەبەد قوغدايدۇ، ساقلايدۇ ئۇلارنى، بىراق قۇرۇتىدۇ رەزىللەرنىڭ نەسلىنى. ھەققانىيلار ئىگە بولار زېمىنغا، ماكان تۇتۇپ مەڭگۈ ياشار ئۇنىڭدا. ھەققانىيلارنىڭ سۆزلىرى دانا بولۇر، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئادىل بولۇر. قەلبىدىن ئورۇن ئالغاچ خۇدانىڭ تەلىملىرى، شۇڭا خاتا بېسىلماس قەدەملىرى. ھەققانىيلارنى پايلاپ يۈرەر رەزىللەر، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشنىڭ پەيتىنى ئىزدەپ يۈرەر. پەرۋەردىگار قالدۇرماس ئۇلارنى رەزىللەرنىڭ قولىغا، ھەم قارشى ھۆكۈممۇ چىقارغۇزمايدۇ ئۇلارغا. تەلمۈرۈپ كۈتكىن پەرۋەردىگارنى. چىڭ تۇتقىن ئۇنىڭ يولىنى، ئىگە قىلار زېمىنغا سېنى. كۆرىسەن رەزىللەرنىڭ زېمىندىن قوغلاپ چىقىرىلىشىنى. كۆرگەنمەن رەزىل، زوراۋاننىڭ روناق تاپقىنىنى، چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بۈك-باراقسان دەرەختەك بولغىنىنى. ئەمما ئۆتۈپ كەتتى ئۇ، يوق بولدى قارا، ئۇنى ئىزدىسەممۇ تاپالمايمەن قايتا. پاك ئادەملەرگە باق، كۈزەت دۇرۇسلارنى، تىنچلىقنى سۆيگەنلەرنىڭ بولىدۇ ئىستىقبالى. بىراق، ئىتائەتسىزلەر قىرىلىپ تۈگەر، رەزىللەرنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتەر. پەرۋەردىگار نىجاتلىق بېرەر ھەققانىيلارغا، باشپاناھ بولار ئېغىر كۈنلەردە ئۇلارغا. قۇتقۇزار ئۇلارنى ياردەم قىلىپ پەرۋەردىگار، رەزىللەردىن قۇتۇلدۇرۇپ ئامان ساقلار، چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگاردىن پاناھ تاپار. ئى پەرۋەردىگار، مېنى قەھرىڭ بىلەن ئەيىبلىمە، ماڭا غەزىپىڭدە تەربىيە بەرمە. كىردى تېنىمگە ئوقلىرىڭ، باستى مېنى قوللىرىڭ. غەزىپىڭدىن يۈرەك-باغرىم يارا بولدى، گۇناھىمدىن تېنىم مېنىڭ پارە بولدى. غەرق بولدۇم گۇناھلىرىم كەلكۈنىگە، سالمىقىدىن گۇناھىمنىڭ پاتتىم يەرگە. يىرىڭلاپ سېسىپ كەتتى جاراھىتىم، سەۋەب بولدى بۇنىڭغا نادانلىقىم. بەللىرىم پۈكۈلدى قەددىم مۈكچىيىپ، كۈنبويى يۈرىمەن قايغۇغا پېتىپ. ئاغرىماقتا كۆيۈپ پۈتۈن بەدىنىم، تېنىمدە قالمىدى ھېچبىر ساق يېرىم. تۇمشۇقۇمغا كېلىپ قالدى جېنىم مېنىڭ، ھەسرەتتىن پەرياد قىلار قەلبىم مېنىڭ. ئى رەببىم، ئارزۇلىرىم ئاياندۇر ساڭا، ئاھ ئۇرۇشۇم يوشۇرۇن ئەمەستۇر ساڭا. يۈرىكىم جىغىلداپ ھالى كەتتى، ھەتتا كۆزلىرىمنىڭ نۇرى كەتتى. يار-بۇرادەر، تۇغقانلىرىم كېسىلىم سەۋەبىدىن، يىراق قاچتى ئۆزلىرىنى ئېلىپ مەندىن. تۇزاق قۇرار جېنىمغا قەست قىلماقچى بولغانلار، ئۇلار ماڭا زىيانكەشلىك قىلماق ئۈچۈن مەسلىھەت قۇرار. ھىيلە-مىكىر، سۇيىقەست ئويلار كۈنبويى ئۇلار. ھېچنېمىنى ئاڭلىمايمەن گاس ئادەمدەك، ھېچبىرىگە سۆز قىلمايمەن گاچىلاردەك. شۇنداق، قۇلىقى پاڭ ئادەمدەكمەن، رەدىيەگە تىلى يوق گاچىدەكمەن. ئى پەرۋەردىگار، ئۈمىدىمنى باغلىدىم ساڭا، ئى ئىگەم، ئىلاھىم جاۋاب بېرىسەن ماڭا. تىلەيمەن، ئۈستۈمدىن كۈلمىسۇن بىراۋلار، تېيىلغىنىمدا ھاكاۋۇرلۇق قىلغانلار. يىقىلاي دەپ قالدىم ئى خۇدا، ئازاب ھەمراھدۇر دائىم ماڭا. ئىقرار قىلىپ گۇناھىمغا، پۇشايمان قىلدىم خاتالىقىمغا. دۈشمەنلىرىم سەگەك ھەم كۈچلۈكتۇر، سەۋەبسىزلا ماڭا ئۆچلەر شۇنچە كۆپتۇر. ياخشىلىقىمقا يامانلىق قايتۇرغانلار، توغرا يولدا ماڭدىڭ دەپ قارشى چىقار. ئى پەرۋەردىگار، ئۆتۈنەي مېنى تاشلىما، ئى ئىلاھىم، مېنى تاشلاپ كەتمە يىراققا. ئى ئىگەم، نىجاتكارىم، قىلغىن ماڭا تېزدىن ياردەم. ئۆز-ئۆزۈمگە دېدىم مەن مۇنداق: «قالماسلىقىم ئۈچۈن بولۇپ گۇناھكار، تارتاي تىلىمنى، رەزىللەرنىڭ ئالدىدا تىكىپ قوياي ئېغىزىمنى.» گەرچە كېرەك بولسىمۇ سۆزلىشىم، سۈكۈت قىلىپ، زۇۋان سۈرمىدىم، ئەمما مېنىڭ ئېشىۋەردى ئازابىم. زەرداب بولۇپ قاينىدى باغرىم، ئويلىغانچە كۆيدى يۈرىكىم. ئاخىر بولماي مۇنداق دېدىم: «ئى پەرۋەردىگار، چۈشىنەي ھاياتنىڭ قىسقىلىقىنى، كۈنلىرىمنىڭ ساناقلىق قالغانلىقىنى. بىلىپ قالاي ئۆمۈرنىڭ ئۆتكۈنچى ئىكەنلىكىنى.» بىلىمەن، قىلغانسەن ئۆمرۈمنى نەچچە غېرىچلا، ئۇزۇن ئەمەستۇر ھايات يولۇم سېنىڭ ئالدىڭدا، بىرلا تىنىقتۇر ئىنسانلارنىڭ ئۆمرى پەقەتلا. سايىدەك يوقىلىدۇ ئىنسانلارنىڭ ئەجىرلىرى، بىھۇدىدۇر ئۇلارنىڭ ئالدىراپ-تېنەشلىرى. بايلىق يىغار، لېكىن بىلمەس ئۇلار بايلىقلىرىنىڭ كىملەرگە قالىدىغانلىقىنى. ئى پەرۋەردىگار، نېمىنى كۈتەي ئەمدى؟ ئۈمىدىم پەقەت سەندىلا قالدى. ساقىت قىلغىن گۇناھلىرىمنى، ھاماقەتلەرنىڭ مەسخىرىسىگە قويما مېنى. سۈكۈت قىلىپ ئاچمايمەن ئاغزىمنى، چۈنكى، ئادىلدۇر جازالىشىڭ مېنى. توختاتقايسەن ئەمدى جازالىشىڭنى، كۆتۈرەلمەس تېنىم قولۇڭنىڭ زەربىسىنى. گۇناھلىرىنى ئەيىبلەپ، جازالىغاندا سەن ئىنساننى، كۈيە چۈشكەندەك يوق قىلىسەن قەدىرلىگەنلىرىنى. بىر تىنىقتۇر خالاس ئىنساننىڭ ئۆمرى. ئى پەرۋەردىگار، قۇلاق سالغىن دۇئايىمغا، كۆڭۈل قويغىن مېنىڭ نالە-پەريادىمغا، سۈكۈت قىلىپ تۇرمىغىن كۆز ياشلىرىمغا، چۈنكى بىر مۇساپىرمەن سېنىڭ ئالدىڭدا، ئاتا-بوۋىلىرىمدەك غېرىبمەن بۇ پانىي دۇنيادا. غەزەپ بىلەن قارىمىغىن ماڭا، ئۆلۈمدىن بۇرۇن چۆمىلەي شادلىققا. سەۋر-تاقەت قىلىپ كۈتتۈم پەرۋەردىگارنى، قۇلاق سېلىپ ئاڭلىدى ئۇ پەريادىمنى. تارتىۋالدى ئۇ مېنى ھالاكەت گىردابىدىن، چىقىرىۋالدى چوڭقۇر پاتقاق-سازلىقتىن. قورام تاش ئۈستىگە تۇرغۇزۇپ پۇتلىرىمنى، مۇستەھكەم قىلدى مېنىڭ قەدەملىرىمنى. پەرۋەردىگار ئاتا قىلدى ماڭا يېڭى بىر كۈينى، ئىگىمىزنى مەدھىيەلەيدىغان مۇناجاتنى. نۇرغۇن ئادەم كۆرۈپ ئۇنىڭ قۇدرىتىنى، پەرۋەردىگارغا ئىشەنچ باغلاپ ھۆرمەتلەر ئۇنى. بەختلىكتۇر ئىشەنچ باغلىغانلار پەرۋەردىگارغا، چوقۇنمىغانلار ساختا ئىلاھلارغا، يۈرمىگەنلەر بۇتپەرەسلەر ئارىسىدا. ئى ئىگىمىز پەرۋەردىگار، شۇنچە كۆپتۇر مۆجىزىلىرىڭ، بىز ئۈچۈن قىلغان كاتتا ئىلتىپات ۋە پىلانلىرىڭ. سانسىزدۇر بايان قىلسام ئەجىر ۋە مېھنەتلىرىڭ، يوقتۇر سېنىڭ ھېچبىر تەڭدىشىڭ. ئىستىمەيسەن قۇربانلىق ياكى ھەدىيەلەرنى، ئىستىمەيسەن نە كۆيدۈرمە، نە گۇناھ قۇربانلىقىنى. ئاڭلىسۇن دەپ بۇنى ئاچتىڭ قۇلاقلىرىمنى. شۇڭا دېدىم: «مەن كەلدىم مانا، پۈتۈلگەندۇر مەن ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا. ئى ئىلاھىم، ئىرادەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش خۇشاللىقىمدۇر، تەلىملىرىڭ قەلبىمگە چىڭ پۈتۈلگەندۇر.» زور جامائەت ئارىسىدا جاكارلىدىم ئادالىتىڭنى، ئى پەرۋەردىگار، بىلىسەن، يۇمۇۋالمايمەن ئاغزىمنى. يوشۇرۇپ يۈرمىدىم قەلبىمدە ئادالىتىڭنى، بايان ئەيلىدىم ۋاپادارلىقىڭ ھەم نىجاتلىقىڭنى. پىنھان تۇتمىدىم بۈيۈك جامائەتتىن، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ ۋە ھەقىقىتىڭنى. ئى پەرۋەردىگار، ئايىمىغىن مەندىن شەپقىتىڭنى، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ، ھەقىقىتىڭ ساقلىغاي مېنى. چىرمىۋالدى ھەددى-ھېسابسىز كۈلپەتلەر مېنى، كور بولدۇم، گۇناھلىرىم توسۇۋالغاچ كۆز نۇرۇمنى. بېشىمدىكى چېچىمدىن كۆپ بولغاچقا گۇناھلىرىم، تەرك ئەتتى جىسمىمدىن جاسارىتىمنى. ئى پەرۋەردىگار، قۇتقۇز مېنى يەتكۈزۈپ ئىلتىپاتىڭنى، ئى پەرۋەردىگار، تېزدىن ماڭا بەرگىن ياردىمىڭنى. جېنىمنى ئالماقچى بولغانلار، شەرمەندە بولسۇن يۈزى تۆكۈلۈپ. جاپايىمدىن خۇشال بولغانلار، چېكىنسۇن رەسۋا بولۇپ. مىيىقىدا كۈلگەنلەر قىلىپ مېنى مەسخىرە، ئەندىشە ئىچىدە بولسۇن شەرمەندە. ساڭا تەلپۈنگۈچى بارلىق كىشىلەر، سەندىن خۇشال بولۇپ شادلانسۇن. نىجاتلىقىڭنى سۆيگەنلەر ھەر دائىم: «پەرۋەردىگار ئۇلۇغدۇر» دېسۇن! بىر بىچارە، ھاجەتمەن ئۆزۈم، بىراق، مېنى ياد ئېتەر ئىگەم. مەدەتكارىمسەن ھەم نىجاتكارىم، ھايال بولما، ئى ئىلاھىم. بەختلىكتۇر غېرىبلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچى، بېشىغا كۈن چۈشكەندە پەرۋەردىگار قۇتقۇزار ئۇنى. ھاياتىنى ساقلايدۇ، قوغداپ ئۇنى پەرۋەردىگار، خۇدا ئاتا قىلغان زېمىندا ياشايدۇ ئۇ بەختىيار، رەقىبلىرىنىڭ مەيلىگە تاشلىماس ئۇنى زىنھار. ساقسىز بولۇپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغىنىدا، پەرۋەردىگار يۆلەك بولۇپ، قۇۋۋەت بېرەر ئۇنىڭغا، شىپالىق بېرەر كېسەل بولغان چاغلىرىدا. ئىلتىجا قىلدىم خۇداغا: ئى پەرۋەردىگار، شەپقەت قىلىپ ماڭا، ساقايتقىن مېنى، گۇناھ قىلىپ، قارشى چىققان بولساممۇ ساڭا. رەھىمسىز دۈشمەنلىرىم قارغار مېنى: «تېزراق ئۆلۈپ ئۇ، ئۆچسۇن نامى.» ئۇلاردىن بىرەرسى كېلىپ يېنىمغا، يالغان سۆزلەرنى ئېيتار ماڭا. كۆڭلىدە توپلاپ مەن ھەققىدە غەيۋەتنى، يېنىمدىن چىقىپلا يايار ئۇلارنى خالايىققا. مەن ھەققىدە پىچىرلىشار ماڭا ئۆچلەر، زىيانكەشلىك قەستىدە مۇنداق دېيىشەر: «يامان كېسەل چاپلىشىپتۇ ئۇنىڭغا، ياتقان ئورنىدىن تۇرالماس ئۇ ئەمدى ئەسلا.» ھەتتا ئۆزۈم ئىشەنگەن قەدىناس دوستۇممۇ سېتىۋەتتى مېنى، ئاش-تۇزۇمنى يەپ تۇرۇپمۇ. ئى پەرۋەردىگار، قىلىپ ماڭا شەپقىتىڭنى، تۇرغۇزغايسەن ئورنۇمدىن مېنى، شۇندا ئۇلاردىن ئالالايمەن ئەنتىمنى. غەلىبە قىلغۇزمىدىڭ ئۈستۈمدىن دۈشمەنلىرىمنى، بىلدىم شۇنىڭدىن، مەندىن خۇش ئىكەنلىكىڭنى. دىيانەتلىك بولغىنىم ئۈچۈن يۆلەك بولىسەن ماڭا، مەڭگۈ تۇرغۇزىسەن مېنى ھۇزۇرۇڭدا. مەدھىيەلەر بولغاي پەرۋەردىگارغا، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇداغا، مەڭگۈدىن-مەڭگۈگە! ئامىن، ئامىن! چاڭقىغان كېيىك تەشنا بولغاندەك ئېقىنلارغا، تەشنا بولدۇم ساڭا، ئى خۇدا! ئىنتىزارمەن ساڭا _ ھاياتلىق بۇلىقى بولغان بىردىنبىر خۇدا، قاچانمۇ كۆرەرمەن سېنىڭ چېھرىڭنى، كىرىپ ھۇزۇرۇڭغا؟ كۆز ياشلىرىم مەن ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز بولدى غىزا، «قېنى خۇدايىڭ» دېيىشەر رەقىبلىرىم دائىم ماڭا. كۆڭلۈم بۇزۇلىدۇ ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلىگىنىمدە: باراتتىم جامائەت بىلەن ھېيت ئۆتكۈزۈشكە، كىشىلەرنى باشلايتتىم پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە، مەدھىيە ئېيتىپ توۋلىشاتتۇق خۇشال بولۇپ شۇ دەمدە. ئەي قەلبىم، نېمىشقا شۇنچە چۈشكۈنسەن؟! ئەي كۆڭلۈم، نېمىشقا ئارام تاپمايسەن؟! ئۈمىد كۈت خۇدادىن، مەدھىيەلەيمەن يەنىلا ئۇنى، خۇدايىم ساقلىغۇچىدۇر شەرمەندە بولۇشتىن يۈزۈمنى. ئى ئىلاھىم، غەم باستى كۆڭلۈمنى، شۇڭا ئەسلەيمەن سېنى، ئىئوردان زېمىنىدا، خەرمون ۋە مىزار تاغلىرىدا. گۈلدۈرلەپ ئېقىپ چۈشكەن شارقىراتمىلىرىڭدەك، توختىماي كەلمەكتە بېشىمغا كۈلپەتلىرىڭ، بېسىپ ئۆتمەكتە مانا ئۈستۈمدىن دولقۇنلىرىڭ، ئۆركەشلىرىڭ. كۈندۈزى كۆرسىتەر پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى، كېچىسى ئاتا قىلار ئۇ ماڭا مەن ئېيتىدىغان ناخشامنى، ھاياتىمنىڭ ئىگىسى خۇداغا بېغىشلىغان مۇناجاتلىرىمنى. ئېيتارمەن قورام تېشىم خۇداغا: ئۇنتۇپ قالدىڭ نېچۈن مېنى؟ نېچۈن ماتەم تۇتۇپ يۈرىمەن، دۈشمەنلىرىمنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا؟ ئۆتتى جېنىمدىن دۈشمەنلىرىمنىڭ تاپا-تەنىلىرى، دائىم ماڭا: «قېنى خۇدايىڭ» دېيىشلىرى. ئەي قەلبىم، نېمىشقا شۇنچە چۈشكۈنسەن؟! ئەي كۆڭلۈم، نېمىشقا ئارام تاپمايسەن؟! ئۈمىد كۈت خۇدادىن، مەدھىيەلەيمەن يەنىلا ئۇنى، خۇدايىم ساقلىغۇچىدۇر شەرمەندە بولۇشتىن يۈزۈمنى. ئى خۇدا، «گۇناھسىز» دەپ ئاقلىغىن مېنى، قوللىغىن ساداقەتسىز خەلققە قارشى دەۋايىمنى، ئادالەتسىز، ھىيلىگەرلەردىن قۇتقۇز مېنى. باشپاناھىم تۇرۇپ ئى خۇدا، تەرك ئېتىسەن مېنى نېمىشقا؟ نېچۈن ماتەم تۇتۇپ يۈرىمەن، دۈشمەنلىرىمنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا؟ چاچقىن نۇرۇڭنى، كۆرسەت ھەقىقىتىڭنى، يېتەكلىسۇن ئۇلار مېنى مۇقەددەس تېغىڭغا، ئېلىپ بارسۇن ئۇچرىشىش جايىمىزغا. قۇربانلىق سۇپاڭغا بارىمەن شۇندا، بىردىنبىر شادلىقىم بولغان خۇدا ئالدىغا. چېلىپ لىرا ھەمدۇسانا ئېيتىمەن ساڭا، مېنىڭ ئىلاھىم بولغان ئى خۇدا. ئەي قەلبىم، نېمىشقا شۇنچە چۈشكۈنسەن؟! ئەي كۆڭلۈم، نېمىشقا ئارام تاپمايسەن؟! ئۈمىد كۈت خۇدادىن، مەدھىيەلەيمەن يەنىلا ئۇنى، خۇدايىم ساقلىغۇچىدۇر شەرمەندە بولۇشتىن يۈزۈمنى. ئى خۇدا، قەدىمكى زاماندا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا، سەن كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئىشلىرىڭنى ئاڭلىغانىدۇق بىز ئۆز قۇلىقىمىزدا، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئېيتىپ بەرگەنىدى بۇنى. ئۆز قولۇڭ بىلەن زېمىنىدىن قوغلىۋېتىپ يات خەلقلەرنى، ئۇلارنىڭ يۇرتىغا ئورۇنلاشتۇرغانىدىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى. قاتتىق ئازابلاپ يات خەلقلەرنى، روناق تاپقۇزدۇڭ ئەجدادلىرىمىزنى. ئالغان ئەمەس ئۇلار زېمىنىنى شەمشىرى بىلەن، غەلىبىگە ئېرىشكىنى يوق ئۆز بىلىكى بىلەن. بەلكى ئۇلارنىڭ غالىب كېلىشى سەن خۇدادىن، ئوڭ قولۇڭ، قۇدرىتىڭ، چېھرىڭنىڭ نۇرىدىن، چۈنكى سۆيۈندۈڭ سەن ئۇلاردىن. ئى خۇدا مېنىڭ پادىشاھىمسەن، ياقۇپ نەسلىگە غەلىبە ئاتا قىلغۇچىسەن. ياردىمىڭدە قوغلىۋېتىمىز دۈشمەنلىرىمىزنى، قۇدرىتىڭ بىلەن چەيلىۋېتىمىز بىزگە قارشىلارنى. ئىشەنچىم يوقتۇر ئۆز ئوقيايىمغا، شەمشىرىم ئېرىشتۈرەلمەس مېنى ئۇتۇققا. غەلىبە قىلغۇزدۇڭ رەقىبلىرىمىز ئۈستىدىن بىزنى، شەرمەندە قىلدىڭ بىزدىن نەپرەتلەنگەنلەرنى. ھەر دائىم پەخىرلىنىپ تەرىپلەيمىز سېنى، ئى خۇدا ئەبەدىي مەدھىيەلەيمىز نامىڭنى. بىراق سەن ھازىر بىزنى تەرك ئېتىپ، قالدۇردۇڭ ئاھانەتكە، چىقمايسەن ھەتتا قوشۇنلىرىمىز بىلەن بىرگە جەڭگە. مەغلۇپ قىلدىڭ بىزنى رەقىبلىرىمىز ئالدىدا، بىزدىن نەپرەتلەنگەنلەر بۇلىدى بىزنى شۇ ھالدا. بىزنى قوي كەبى تۇتۇپ بەردىڭ بوغۇزلاشقا ئۇلارغا، چېچىۋەتتىڭ بىزنى ھەم يات خەلقلەر ئارىسىغا. ئەرزان ساتتىڭ قۇل قىلىپ ئۆز خەلقىڭنى، قەدىر-قىممىتىمىز پايخان بولدى سېتىپ بىزنى. قالدۇردۇڭ بىزنى يات ئەللەرنىڭ ھاقارىتىگە، ئەتراپىمىزدىكىلەرنىڭ نەپىرىتى ۋە مەسخىرىسىگە. يات ئەللەر ئارىسىدا مازاققا قالدۇردۇڭ بىزنى، مەسخىرە قىلىدۇ ئۇلار چايقىشىپ باشلىرىنى. بېشىمىزغا چۈشتى بۇلارنىڭ ھەممىسى، ئۇنتۇمىغان بولساقمۇ گەرچە سېنى، ياكى بۇزمىغان بولساقمۇ ئەھدەڭنى. ئەگەر بىز ئىگىمىزنىڭ نامىنى ئۇنتۇغان بولساق، قول كۆتۈرۈپ يات ئىلاھقا دۇئا قىلغان بولساق، ئىگىمىز پەرۋەردىگار بايقىماي قالارمىدى؟ ئۇ بىلەر ئىنسان قەلبىدىكى بارلىق سىرلارنى. ساڭا بولغان ساداقىتىمىزدىن كۈنبويى قىرىلماقتىمىز، سويۇلىدىغان قويلارنىڭ قاتارىدا بولماقتىمىز. ئويغانغىن ئى پەرۋەردىگار، ئۇخلاپ ياتىسەن نېمىشقا؟ تاشلىۋەتمىگىن بىزنى مەڭگۈگە، كەلگىن يېنىمىزغا! نېمىشقا يوشۇرىسەن ئۆزۈڭنى، نېمىشقا كۆرمەيسەن ئېزىلىش، كۈلپەتلىرىمىزنى؟ پايخان بولدى ئار-نومۇسىمىز، مىلەندى چاڭ-تۇپراققا تېنىمىز. كەلگىن خۇدا، بەرگىن بىزگە ياردىمىڭنى، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭدە ئازاد قىلغىن بىزنى. گۈزەل بىر ئىش ھاياجانغا سالغاچ مېنىڭ قەلبىمنى، ئوقۇماقتىمەن پادىشاھقا ئاتاپ يازغان شېئىرىمنى، تىلىم سۆزگە ماھىردۇر گويا بىر شائىر كەبى. ئەڭ كېلىشكەن ئادەمسەن ئىنسانلار ئارىسىدا، لەۋلىرىڭدىن تۆكۈلەر شەپقەتلىك سۆزلەر، مەڭگۈلۈك بەخت ئاتا قىلغاندۇر خۇدا ساڭا. ئى باھادىر پادىشاھ، ئاسقىن يېنىڭغا قىلىچىڭنى، ئايان قىلغىن شەۋكىتىڭ ۋە ھەيۋىتىڭنى. زەپەر قۇچقىن ھەيۋەت بىلەن ئات ئۈستىدە، قوغدىغىن كەمتەرلىك، ھەقىقەت ۋە ئادالەتنى، غايەت زور ئىشلارنى قىل قۇدرىتىڭدە. ئۆتكۈر ئوقلىرىڭ سانجىلار يۈرىكىگە رەقىبلىرىڭنىڭ، دۈشمەنلىرىڭ يىقىلار ئاستىغا ئاياغلىرىڭنىڭ. ئى خۇدا، سېنىڭ تەختىڭ مەڭگۈلۈكتۇر، سەلتەنەت ھاساڭ، ئادالەت ھاسىسىدۇر. ئۆچ كۆرىسەن ناھەقچىلىكنى، سۆيىسەن ھەققانىيەتنى، شۇڭا سېنى تاللىغان خۇدا ياغدۇردى ساڭا شادلىقىنى. ھەمراھلىرىڭدىن بەكرەك شادلاندۇردى سېنى. ھىدى كېلەر كىيىملىرىڭدىن مۇرمەككىنىڭ، شۇنداقلا مۇئەتتەر ۋە دارچىننىڭ. پىل چىشىدا بېزەلگەن سارايلاردىكى تارلىق سازلارنىڭ ساداسى، يېقىملىق ئاڭلىنىپ خۇرسەن قىلار سېنى. شاھ قىزلىرى باردۇر ئىززەتلىگەنلىرىڭنىڭ ئارىسىدا، ئوفىر ئالتۇنىدا بېزەلگەن مەھبۇبۇڭ تۇرار ئوڭ يېنىڭدا. تىڭشىغىن ئەي قىز، قۇلاق سالغىن سۆزۈمگە، ئۇنتۇغىن خەلقىڭنى، ئاتاڭنىڭ ئۆيى بولمىسۇن ئېسىڭدە. پادىشاھ مەپتۇندۇر گۈزەل تۇرقۇڭغا، خوجايىنىڭدۇر ئۇ، ئىتائەت قىل ئۇنىڭغا. تىر خەلقى ئېلىپ كېلەر ساڭا ھەدىيەلەر، ئىلتىپات ئىستەر سەندىن ئۇ پۇلدارلار. نەقەدەر جىلۋە قىلار مەلىكە ھۇجرىسىدا، كەشتىلەنگەندۇر كىيىملىرى زەر ئالتۇندا. پادىشاھ ئالدىغا كەلتۈرىلەر ئۇ كەشتىلىك كىيىملىرىدە، ئالدىغا ئېلىپ كېلىنەر كېنىزەكلىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە. باشلاپ كېلىنىدۇ ھەممىسى خۇشال ھالدا، كىرىشىدۇ ئۇلار پادىشاھ سارىيىغا. ئىزىنى باسار ئوغۇللىرىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ، شاھزادىلىرى قىلىسەن ئۇلارنى پۈتكۈل جاھاننىڭ. ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە ئەستە ساقلاتقۇزىمەن نامىڭنى، ئەبەدىلئەبەد ماختىشار خەلقلەر سېنى. كۈچ-قۇدرەت، باشپاناھ بولغۇچىمىز رەببىمىزدۇر، كۈلپەتتە قالساق ئەگەر ھەر زامان ياردەمدىدۇر. باردۇر ئېقىنلىرى شادلىق ئېلىپ كېلىدىغان بىر دەريا، خۇدانىڭ شەھىرى _ ئۇلۇغ خۇدانىڭ مۇقەددەس ماكانىغا. شۇ شەھەردە بولغاچ خۇدا، تەۋرەنمەس ئۇ ماكان ئەسلا، تاڭ ئېتىشى بىلەن تەڭ ياردەمگە كېلەر خۇدا. گۇمران بولدى شاھلىقلار، غوۋغا كۆتۈرۈپ خەلقلەر. جاراڭلىسا رەببىمىزنىڭ ئاۋازى يەر-زېمىن ئېرىپ كېتەر. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بىز بىلەن بىرگىدۇر، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدا قورغىنىمىزدۇر. كۆرۈڭلار پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرىتىنى، زېمىندا كۆرسەتكەن ۋەيرانچىلىقلىرىنى. توختاتقۇچىدۇر ئۇ ھەممە ئۇرۇشلارنى، سۇندۇرۇپ ئوقيا، نەيزىلەرنى. كۆيدۈرۈپ جەڭ ھارۋىلىرىنى. دەيدۇ ئۇ: «توختىتىڭلار ئۇرۇشۇڭلارنى، بىلىپ قويۇڭلار مېنىڭ خۇدالىقىمنى! ئۇلۇغلىنىمەن پۈتۈن ئالەمدە، بارچە خەلقلەر ئۇلۇغلار مېنى.» قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بىز بىلەن بىرگىدۇر، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدا قورغىنىمىزدۇر. ئەي بارچە خەلقلەر، چېلىپ چاۋاكلار، خۇداغا ئاتاپ ياڭرىتىڭلار ئالقىشلار. چۈنكى بۈيۈك پەرۋەردىگار ھەيۋەتلىكتۇر، ئۇ جاھانغا ھۆكۈمدار ئۇلۇغ پادىشاھتۇر. باش ئەگدۈرۈپ بەردى ئۇ بىزگە دۈشمىنىمىزنى، ئايىغىمىز ئاستىغا يىقىلدۇردى يات خەلقلەرنى. نېسىۋە قىلىپ بىزگە تاللاپ بەردى بۇ يەرنى، ئۆزى سۆيگەن ياقۇپنىڭ پەخرى بولغان زېمىننى. ھۆكۈم سۈرمەك بولۇپ خۇدا تەختكە چىقتى چۇقان ئارا، چىقتى پەرۋەردىگار بۇرغا ساداسىدا ئۆز ئورنىغا. كۈيلەڭلار پەرۋەردىگارنى ياڭرىتىپ نەغمە-ناۋا، كۈيلەڭلار پادىشاھىمىزنى ياڭرىتىپ ساز بىلەن ناخشا. چۈنكى پۈتكۈل جاھانغا پادىشاھتۇر پەرۋەردىگار، مۇناجاتلار ئېيتىپ ئۇنى كۈيلەڭلار. ھۆكۈم سۈرمەكتە خۇدا بارچە خەلق ئۈستىدە، ئولتۇرۇپ ئۇ ئۆزىنىڭ مۇقەددەس تەختىدە. يىغىلىپ جاھاندىكى ئەللەرنىڭ ھۆكۈمدارلىرى، قوشۇلىدۇ ئىبراھىم ئېتىقاد قىلغان خۇدانىڭ خەلقىگە، بەرھەق، خۇداغا تەۋەدۇر پۈتكۈل جاھاننىڭ پادىشاھلىرى، ئەڭ ئالىي ھۆكۈمراندۇر پەرۋەردىگار، جاھان ئەھلى ئۇلۇغلار ئۇنى. ئۇلۇغدۇر پەرۋەردىگار! ئۇنىڭ مۇقەددەس تېغىدا، خۇدايىمىزنىڭ شەھىرىدە، لايىقتۇر ئۇ كۆپتىن-كۆپ مەدھىيەلىنىشكە. بۈيۈك ۋە كۆركەم سىئون تېغى، شادلىقىدۇر پۈتكۈل جاھاننىڭ. ھەيۋەتلىكتۇر زافون تېغىنىڭ چوققىلىرىدەك، تۇرار ئۇ شەھىرىدە ئۇلۇغ پادىشاھنىڭ. خۇدا تۇرۇپ قەلئەلىرىدە يېرۇسالېمنىڭ، قوغدىغۇچىلىقىنى نامايان قىلار ئۆزىنىڭ. بىر يەرگە يىغىپ قوشۇنلىرىنى پادىشاھلار، ماڭغانىدى جەڭ قىلماق بولۇپ ئۇلار. لېكىن، ئۇلار كۆرۈپلا شەھەرنى بولدى ئالاقزادە، ئارقىسىغا بەدەر قېچىشتى چۈشۈپ ۋەھىمىگە. تىترەك بېسىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى، قىينالدى تولغاق يىگەن ئايال كەبى. ئى خۇدا، چىقىرىپ شەرق شامىلىڭنى، ۋەيران قىلدىڭ «تارشىشنىڭ كېمىلىرى»نى. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرى _ خۇدايىمىزنىڭ شەھىرىدە، كۆرگىنىمىز بولدى خۇددى ئاڭلىغىنىمىزدەكلا. خۇدا مۇستەھكەم قىلار بۇ شەھەرنى مەڭگۈگە. ئى خۇدا، مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭ ئىچىدە، چوڭقۇر ئويلاندۇق مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ ھەققىدە. ساڭا بېغىشلانغان مەدھىيەلەر، ئى خۇدا، خۇددى نامىڭدەكلا تارالدى كەڭ جاھانغا. ھەققانىي ھۆكۈملىرىڭدىن، خۇش بولسۇن سىئون تېغى، شادلانسۇن يەھۇدىيە شەھەرلىرى. ئەي خۇدانىڭ خەلقلىرى، زىيارەت قىلىڭلار يېرۇسالېمنى. ئايلىنىپ كۆرۈپ ئۇنى، ساناپ چىقىڭلار مۇنارلىرىنى. كۆزىتىپ چىقىڭلار سېپىللىرىنى، كۆزدىن كەچۈرۈڭلار قەلئەلىرىنى، بايان قىلىش ئۈچۈن كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۇلارنى. بەرھەق، خۇدا بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر ئەبەدكە، ئۇ بىزنى يېتەكلەر مەڭگۈگە. ئەي جاھان ئەھلى قۇلاق سېلىڭلار، ئەي خەلقلەر ياخشى ئاڭلاڭلار. ئېسىلزادە ياكى ئاددىي ئادەم بولسۇن، باي ۋە نامرات ھەممىسى قۇلاق سالسۇن. بايان ئەيلەي ھېكمەتكە تولغان دۇردانىلارنى، چۈشەندۈرەي قەلبىمدىكى چوڭقۇر ئويلارنى. دىققىتىمنى بېرىپ مەن ھېكمەتلىك سۆزلەرگە، لىرا چېلىپ شەرھى بېرەي ئۇنىڭ سىرلىق مەنىلىرىگە. مەن نېمىشقا قورقۇپ يۈرەي كۈلپەت كەلسە بېشىمغا، رەقىبلىرىمنىڭ ياۋۇزلۇقلىرى ئەتراپىمنى قاپلاپ تۇرسا؟! مال-مۈلكىگە ئىشىنەر ئۇلار، بايلىقىنىڭ كۆپلۈكىدىن ماختىنار. بىلىمىز دانىشمەنلەرنىڭ ئۆلۈم شەربىتى ئىچىدىغانلىقىنى، نادان ۋە ئەخمەقلەرنىڭمۇ ئوخشاشلا ئۆلىدىغانلىقىنى. ئۇلار ھامان قالدۇرۇپ كېتەر باشقىلارغا مال-مۈلكىنى. گەر نام قىلىپ بەرسىمۇ ئىسىملىرىنى يەرلىرىگە، ئۇلارنىڭ قەبرىلىرى ئۆيلىرى بولۇپ قالار مەڭگۈگە. تۇرالغۇسىدۇر شۇ قەبرىلەر دەۋردىن-دەۋرگىچە. بايلىقى بولسىمۇ مەڭگۈ ياشاۋەرمەس ئىنسان، ھايۋانغا ئوخشاش بىر كۈنى ئۆلۈپ تۈگەيدۇ ھامان. مۇشۇنداق بولار ئاقىۋىتى ئۆزىگە ئىشەنگەن ئەخمەقلەرنىڭ، ئۇلارغا ئەگىشىپ سۆزلىرىگە قايىل بولغانلارنىڭ. پادىچى بولۇپ ئۆلۈم ئۇلارغا، ھەيدەر ئۇلارنى قوي كەبى ئۆلۈكلەر ماكانىغا. جەسەتلىرى چىرىپ كېتەر گۆر ئىچىدە، ھەشەمەتلىك ئۆيلىرىمۇ قالار يىراقتا. ھەققانىيلار غەلىبە كۈنى كەلگەندە ھۆكۈم سۈرەر ئۇلارنىڭ ئۈستىدە. لېكىن خۇدا ئۆز يېنىغا تارتار مېنى، گۆر ئازابىدىن خالاس قىلىپ جېنىمنى. بىسەرەمجان بولما بىرەرسى بېيىپ كەتسە، ئائىلىسىنىڭ مال ۋە مۈلكى كۆپەيسە. ھېچنېمىسىنى ئېلىپ كېتەلمەس ئۇ ئۆلگەندە، بىللە بولماس مال ۋە مۈلكى قەبرىسىدە. بەختلىك ھېس قىلسىمۇ ئۇ ئۆزىنى ھايات چېغىدا، كىشىلەر ماختىسىمۇ ئۇ روناق تاپقىنىدا، كېتەر ئۇ يەنىلا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا، چىقالماس مەڭگۈ ئۇلار يورۇقلۇققا. چۈشەنمەس بايلىقى بار ئىنسانلار بۇنى، ھايۋانغا ئوخشاش ئۆلىدىغانلىقىنى بىر كۈنى. قادىر خۇدا _ پەرۋەردىگار خىتاب قىلدى جاھان ئەھلىگە، مەشرىقتىن-مەغرىبقىچە بولغان پۈتكۈل يەر يۈزىدىكىلەرگە. خۇدانىڭ پارلاق نۇرى جۇلالىدى سىئوندىن، گۈزەللىكنىڭ كامالىتى بولغان ئاشۇ ماكاندىن. رەببىمىز سۈكۈت قىلىپ تۇرماس زىنھار، كەلمەكتە ئۇ، ئالدىدا ئوت يالقۇنى يالماپ كېلەر، ئەتراپىدا بوران-چاپقۇن ھۇۋلاپ كېلەر. ئۇ چاقىرىپ ئاسمان بىلەن زېمىننى گۇۋاھلىققا، دەيدۇ مۇنداق، ئۆز خەلقىنى تارتىش ئۈچۈن سوراققا: «ھۇزۇرۇمغا يىغىڭلار ماڭا سادىق خەلقىمنى، قۇربانلىق قىلىپ مەن بىلەن ئەھدە تۈزگەنلەرنى.» ئەرشتە نامايان بولار خۇدانىڭ ھەققانىيلىقى، بەرھەق، ئالەمنىڭ سوراقچىسىدۇر خۇدا ئۆزى. «مەن خۇدادۇرمەن، سىلەرنى ياراتقان خۇدا، ئەي خەلقىم، قۇلاق سېلىڭلار ماڭا، ئەي ئىسرائىل، شىكايىتىم بار ساڭا. قۇربانلىقىڭ ئۈچۈن ئەيىبلىمەيمەن سېنى، ئەيىبلىمەيمەن دائىم ئاتىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭنى. لازىم ئەمەستۇر ماڭا ئېغىلىڭدىكى بۇقىلىرىڭ، ياكى قوتىنىڭدىكى ئۆچكىلىرىڭ. چۈنكى، مېنىڭكىدۇر ئورمانلاردىكى بارلىق ھايۋانلار، مىڭلىغان يايلاقلاردىكى مال-ۋارانلار. ماڭا تەۋەدۇر تاغلاردىكى ئۇچار قاناتلار، دالادىكى جىمى جانىۋارلار. سورىماسمەن سەندىن قورسىقىم ئاچسا ناۋادا، چۈنكى بۇ دۇنيا، ئۇنىڭدىكى مەئىشەتلەر تەۋەدۇر ماڭا. ئەجەبا، مەن يەرمەنمۇ بۇقا گۆشىنى، ئىچەرمەنمۇ ئۆچكە قېنىنى؟! قۇربانلىق سۈپىتىدە شۈكۈرلەرنى ئېيت ماڭا، ۋاپا قىل بەرگەن ۋەدەڭگە مەن ئۇلۇغ خۇداغا. چاقىر مېنى ھەر ۋاقىت كۈن چۈشسە بېشىڭغا، قۇتقۇزىمەن سېنى، ئۇلۇغلايسەن مېنى شۇندا.» ئەمما خۇدا دەيدۇكى رەزىللەرگە: «نېمە ھەققىڭ بار قىرائەت قىلىشقا نىزاملىرىمنى؟ نېمە ھەققىڭ بار تىلغا ئېلىشقا ئەھدەمنى؟ ئۆچ كۆرىدىغان تۇرساڭ تەلىملىرىمنى، رەت قىلىدىغان تۇرساڭ سۆزلىرىمنى. دوستلىشىسەن ئوغرى بىلەن، ئارىلىشىسەن زىناخور بىلەن. پاسىق سۆزلەردىن تارتمايسەن تىلىڭنى، تىلىڭ توقۇپ چىقار يالغانچىلىقلارنى. ئولتۇرۇۋېلىپ قارا چاپلايسەن تۇغقىنىڭغا، تۆھمەت قىلىسەن بىر قورساق قېرىندىشىڭغا. سۈكۈت قىلدىم قىلغىنىڭدا بۇ ئىشلارنى، ئۆزۈڭگە ئوخشاش، دەپ ئويلىدىڭ شۇڭا مېنى. بىراق، مەن ئەيىبلەيمەن چوقۇم سېنى، ئالدىڭغا قويىمەن قىلمىشلىرىڭنى. ئەي مېنى ئۇنتۇغانلار، ياخشى ئويلاڭلار قىلمىشىڭلارنى، بولمىسا بىتچىت قىلىۋېتىمەن ھەممىڭلارنى. ئۇ چاغدا ھېچكىم قۇتقۇزالماس سىلەرنى. قۇربانلىق سۈپىتىدە ماڭا شۈكۈر ئېيتقانلار مېنى ئۇلۇغلار، شۇنداق قىلىپ نىجاتلىقىمغا ئېرىشمەك ئۈچۈن يول ھازىرلار.» رەھىمىڭنى ئىلتىپات ئەيلىگەيسەن، ئى خۇدا، چۈنكى مەڭگۈلۈك مۇھەببەت بار سەندە. كەچۈرگەيسەن مېنىڭ قىلغان گۇناھىمنى، چەكسىز رەھىمدىللىك خىسلىتىڭدە. پاكلىغايسەن ئەتمىشىمدىن ئىگەم مېنى، يۇيۇپ پاكىز مېنىڭ بارلىق گۇناھىمنى. بەرھەق، مېنىڭ ئىقرارىم بار قىلمىشىمغا، گۇناھلىرىم تۇرار دائىم كۆز ئالدىمدا. گۇناھ قىلدىم ئالدى بىلەن سېنىڭ ئالدىڭدا، نەزىرىڭدە رەزىل ئىشلار ئىگىسىمەن ئى خۇدا. ئادالەتنىڭ ئىگىسىسەن پەقەت ئۆزۈڭ، ھەقتۇرسەن ماڭا ھۆكۈم چىقارماققا. گۇناھكارمەن شۈبھىسىزكى تۇغۇلغىنىمدىلا، ھەتتا ئانامنىڭ قارنىدا پەيدا بولغىنىمدىلا. سەن ئىستەيسەن قەلبىمنىڭ پاكلىقىنى، سالغىن يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا دانالىقىڭنى. تازىلا مېنى لىپەكگۈلدە پاكلىناي، يۇيغىن مېنى قاردىن ئاققا ئايلىناي. كەچۈرگىنىڭنى ئاڭلاپ، شاد-خۇرام بولاي، سەن يانجىغان ئۇستىخانلىرىم ھەم شادلانغاي. نەزىرىڭدىن ساقىت قىلىپ گۇناھلىرىمنى، ئۆچۈرۈۋەتكىن ساڭا قىلغان ئىتائەتسىزلىكىمنى. بىر پاك يۈرەك ئاتا قىلغىن ماڭا رەببىم، ئىخلاسمەن قەلبنى قايتا قىلىپ تەقدىم. قوغلىمىغىن ھۇزۇرۇڭدىن زىنھار مېنى، تارتىۋالما مەندىن مۇقەددەس روھىڭنى. ھېس قىلدۇرغايسەن يېڭىباشتىن نىجاتلىقنىڭ شادلىقىنى، ئاتا قىلغايسەن ماڭا بىر ئىتائەتمەن قەلبنى. شۇندىلا مەن ئازغۇنلارغا ئۆگىتەي چىن يولۇڭنى، گۇناھكارلار توۋا قىلىپ، ماكان قىلسۇن يېنىڭنى. ئېھ خۇدا، نىجاتكارىم خۇدا! قان تۆكۈش جىنايىتىدىن قۇتقۇزغىن مېنى، شۇندا شادلىنىپ، كۈيلەي نىجاتلىقىڭنى. ئى ئىگەم، سۆزلەت مېنىڭ تىلىمنى، ئېيتسۇن ئاغزىم ساڭا بولغان مەدھىيەمنى. ئىستىمەيسەن قۇربانلىق قىلىشنى، بولمىسا قىلار ئىدىم ئۇنى، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلساممۇ خۇرسەن قىلماس كۆڭلۈڭنى. خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىق _ دەل قەلبنىڭ پۇشايمىنى، ئى خۇدا، تەرك ئەتمەيسەن پۇشايمان قىلىپ توۋا قىلغان كۆڭۈلنى. شاپائىتىڭ بىلەن ياشناتقايسەن سىئون شەھىرىنى، يېڭىباشتىن قۇرغايسەن يېرۇسالېمنىڭ سېپىللىرىنى. مەمنۇن بولىسەن بېكىتىلگەن قۇربانلىقلاردىن شۇندىلا، قوبۇل قىلىسەن كۆيدۈرمە ۋە پۈتۈن قۇربانلىقلارنى، ئاۋام قۇربانلىق قىلار تورپاقلارنى قۇربانلىق سۇپاڭدا. نېچۈن ماختىنىسەن رەزىللىكىڭدىن ئەي نوچى؟ مەڭگۈلۈكتۇر خۇدانىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتى. تىلىڭ ئىتتىك، ئوخشار ئۆتكۈر ئۇستىرىغا، ئۇ ئىستەر ۋەيران قىلىشنى، ماھىردۇر يالغانچىلىققا. ئەۋزەل كۆرىسەن ياخشىلىقتىن يامانلىقنى، ھەق سۆزلەشتىن يالغانچىلىقنى. بۇنى كۆرۈپ ھەققانىيلار ھاڭ-تاڭ قالار، ئۇ نوچىنى مۇنداق دەپ زاڭلىق قىلار: «قاراڭلار، بۇ خۇداغا تايانمىغان كۈچلۈك ئادەم ئىدى، ئۇ پەقەت ئۆز بايلىقىغا تايانغانىدى، باشقىلارنى ۋەيران قىلىش بەدىلىگە كۈچلەنگەنىدى.» مەن خۇددى باراقسان ئۆسكەن زەيتۇن دەرىخىمەن، خۇدانىڭ ئۆيىدە مۇستەھكەم گۈللىنىپ ئۆسىمەن، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە مەڭگۈ ئىشىنىمەن. شاپائەتلىك بولغاچ خۇدا، ئۈمىد باغلايمەن ساڭا، تەقۋادار خەلقىڭ ئارىسىدا مەڭگۈ شۈكۈر ئېيتىمەن قىلغان ياخشى ئىشلىرىڭغا. ئەخمەقلەر ئۆز كۆڭلىدە «خۇدا يوق» دەر، ئەسلىدە ئۇلار رەزىل، بۇزۇقلاردۇر. ئۇلاردىن بىرمۇ توغرا يولدا ماڭغۇچى يوقتۇر. ئىنسانغا نەزەر سالار پەرۋەردىگار ئەرشئەلادىن، بارمىدۇ دەپ، ماڭا تەلپۈنگەن بىرەر ئاقىل ئۇلاردىن. ئەمما ئۇلار بۇزۇلغان بولۇپ پاسىق، ئازغۇچى، ھەتتا ئۇلارنىڭ بىرىمۇ ئەمەس توغرا يولدا ماڭغۇچى. بىلمەسمۇ ئەجەبا خۇدانىڭ بارلىقىنى پاسىقلار؟! ئۇلار بۇلاپ خەلقىمنى، ناندەك ئېزىپ يەپ-يۇتار، ئەسلا دۇئا-تىلاۋەت قىلماس خۇداغا ئۇلار. باسار ئۇلارنى شۇنچە كۈچلۈك ۋەھىمە، ھەتتا ھېچبىر قورقۇنچ يوق يەردە. چۈنكى ئەي ئىسرائىل، يانچىۋېتەر خۇدا سېنى قورشاۋغا ئالغانلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنى. سەن دەرۋەقە ئۇياتتا قالدۇرىسەن ئۇلارنى، چۈنكى خۇدا رەت قىلغاندۇر يامانلىق قىلغۇچىلارنى. ئېھ، سىئوندىن چىقىپ كەلسە ئىدى نىجاتلىق ئىسرائىللارغا! ياقۇپ ئەۋلادلىرى شادلىنار، ئىسرائىللار چۆمەر خۇشاللىققا، خۇدا ئاسارەتتىكى خەلقىنى ھۆرلۈككە چىقارغاندا. ئى خۇدا، قۇتقۇزغىن ئۆزۈڭ مېنى، قۇدرىتىڭدە قوغدىغىن مېنى. ئى خۇدا، ئاڭلىغىن دۇئالىرىمنى، تىڭشىغىن مۇناجات-نىدالىرىمنى. زوراۋان دۈشمەنلەر قارشى چىقماقتا ماڭا، ئۇلار قەست قىلماقچى ئەزىز جېنىمغا. ئېتىبار بەرمەس ئۇلار ئەسلا خۇداغا. ئىشەنچىم كامىلكى مەدەتكار خۇدا، ئىگىمىز يار-يۆلەك بولىدۇ ماڭا. بەرگەي ئۇ يامانغا يامانچە جازا، ھالاك قىلىپ دۈشمەننى ۋاپادار خۇدا. ئى پەرۋەردىگار، سۇناي ساڭا خالىس قۇربانلىقىمنى، بولغاچقا سەن شاپائەتلىك، مەدھىيەلەيمەن نامىڭنى. شۇنداق خۇدا، بارلىق كۈلپەتلەردىن خالاس قىلدىڭ مېنى، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم دۈشمەنلىرىمنىڭ مەغلۇبىيىتىنى. قۇلاق سالغىن دۇئايىمغا ئى خۇدا، بىپەرۋا بولمىغىن ئىلتىجايىمغا. جاۋاب بەرگىن نەزەر سېلىپ بۇ ھالىمغا، يۈرىمەن قاقشاپ، پەرىشانمەن دائىما. سالدى دۈشمەنلەر تەھدىت ماڭا، رەزىللەر سالماقتا جەبىر-جاپا. شىكايەت قىلار ئۇلار ماڭا، قەھرىدىن بالا ياغار بېشىمغا. يۈرىكىم سىقىلار قەپىسىدە، ۋۇجۇدۇم بېسىلار ئۆلۈم تەشۋىشىدە. ئەنسىزلىك چىرماپ ئالدى جىسمىمنى، ۋەھىمە، تىترەكلەر قاپلىماقتا مېنى. بولسا ئىدى قانىتىم كەپتەرلەر كەبى، پەرۋاز قىلىپ تاپار ئىدىم ئارامگاھنى. دەر ھەقىقەت قېچىپ بېرىپ يىراقلارغا، قونار ئىدىم چۆل-جەزىرە، باياۋانغا. ئۇ يەرلەردىن بىر پاناھ جاي تاپار ئىدىم، بوران-چاپقۇن، قۇيۇنلاردىن قۇتۇلار ئىدىم. ئى ئىگەم، بىسەرەمجان قىلىپ ياۋلىرىمنى، بۆلىۋەتكىن بىرقانچىغا تىللىرىنى. چۈنكى كۆردۈممەن شەھىرىمىزدە زوراۋاننىڭ ھەرىكىتى ۋە جېدىلىنى. دۈشمەنلىرىم ئەمەس ماڭا ھاقارەت قىلغانلار، بولمىسا سەۋر-تاقەت قىلار ئىدىم. ئۆچمەنلىرىم ئەمەس مېنى كەمسىتكەنلەر، بولمىسا ئۇلاردىن ئۆزۈمنى قاچۇرار ئىدىم. ئەمما بۇنى قىلغۇچى دەل سەن _ مېنىڭ يېقىنىم، جانجىگەر دوستۇم ۋە ياخشى ھەمراھىم. بىز سىرداش دوستلار ئىدۇق، مۇقەددەس ئىبادەتخانا ھويلىسىدا جامائەت ئارىسىدا بىللە يۈرگەنىدۇق. ئۆلۈم دۈشمەنلىرىمنى قوينىغا ئالسۇن تۇيۇقسىزلا، تىرىك كەتسۇن ئۇلار ئۆلۈكلەر ماكانىغا، چۈنكى رەزىللىك ماكان تۇتار ئۇلارنىڭ دىللىرىدا. ئىلتىجا قىلارمەن يالۋۇرۇپ خۇداغا، پەرۋەردىگارىم نىجاتلىق بېرەر ماڭا. پەرياد قىلسام تۆكۈپ دەردىمنى، خۇدا ئاڭلار ئاۋازىمنى، ئەتىگەن، چۈش ۋە ئاخشىمى. گەرچە شۇنچە كۆپ بولسىمۇ، قارشى چىققانلار ماڭا. ئۇ قۇتقۇزار جەڭلەردە مېنى، زەرەر يەتكۈزمەي جېنىمغا. ئەزەلدىن ھۆكۈم سۈرۈپ كەلگۈچى، ئاڭلاپ مېنىڭ دۇئالىرىمنى، مات قىلار دۈشمەنلىرىمنى. چۈنكى ئۇلار يانماس يولىدىن، قورقماس ھەم خۇدايىمدىن. ئۇ ھەمراھىم مۇشت كۆتۈردى، ئۆزىنى دوست بىلگەنلەرگە. خىلاپلىق قىلدى ئۇ ھەم دوستىغا بەرگەن ۋەدىسىگە. سېرىق مايدىن سىلىقتۇر ئاغزى، بىراق شۇملۇققا تولغاندۇر دىلى. شىكەر-شەربەتتەك سۆزلەر تىلى، لېكىن ئىتتىك شەمشەردەك خەتەرلىكتۇر ئېيتقانلىرى. پەرۋەردىگارغا تاپشۇر غەم-قايغۇڭنى، ئۇ قوللاپ-قۇۋۋەتلەر سېنى. پەرۋەردىگار يىقىتماس ھەرگىز، توغرا يولدا ماڭغان ئادەمنى. ئېھ خۇدا، سەن تاشلايسەن ھالاكەت ھاڭلىرىغا دۈشمەنلىرىمنى، قانخور، ھىيلىگەرلەر ياشىيالماس ئۆمرىنىڭ يېرىمىنى، ئەمما مەن يوقاتماسمەن ساڭا بولغان ئىشەنچىمنى. شەپقەت قىلغىن ماڭا، ئى خۇدا. كىشىلەر قىلىپ مېنى دەپسەندە، كۈنبويى قىيناپ، بەكلا ئەزمەكتە. رەقىبلىرىم زىيانكەشلىك قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. تەكەببۇرلىشىپ ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى، ماڭا قارشى جەڭگى-جېدەل چىقارماقتا. بۇرمىلار ئۇلار مېنىڭ سۆزلىرىمنى دائىما، خىياللىرى ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشتۇر ماڭا. ئۇلار ماڭا يوشۇرۇن ھالدا ھۇجۇمغا چىقماقتا، چۈشۈپ مېنىڭ پېيىمگە ھاياتىمغا قەست قىلماقتا. جازاسىز قالارمۇ ئۇلار گۇناھى تۇرۇپمۇ شۇنچە؟! ئى خۇدا، ئۇلارنى گۇمران قىلغايسەن قەھرىڭدە. خاتىرىلەپ قويغانسەن بۇ سەرسانچىلىقلىرىمنى، تۇلۇمغا قاچىلاپ قويغانسەن كۆز ياشلىرىمنى، يېزىپ قويغانسەن دەپتىرىڭگە بۇلارنى. دۈشمەنلىرىم چېكىنەر ئىلتىجا قىلسام ساڭا، شۈبھىسىزكى، مەن تەرەپتىدۇرسەن، ئى خۇدا. ئۇلۇغلارمەن خۇدانى ۋە ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن ۋەدىلىرىنى، ئۇلۇغلارمەن ئىگەمنى ۋە ئۇنىڭ ماڭا ئېيتقان سۆزلىرىنى. ئىشەنچىم بولغاچ خۇدا ساڭا ئەزەلدىنلا، قورقمىدىم، نېمىمۇ قىلالار دەپ ئىنسان ماڭا. تۇرمىسام بولماس ۋەدىلىرىمدە، ئى خۇدا، سۇنىمەن شۇڭا شۈكۈر قۇربانلىقلىرىمنى ساڭا. چۈنكى مېنى قۇتقۇزۇپ قالدىڭ ئۆلۈمدىن، ساقلىدىڭ ھەم پۇتلىرىمنى پۇتلىشىپ كېتىشتىن. مەقسىتىڭ مېنى ئامان يۈرسۇن دەپ ئالدىڭدا، ماڭسۇن دەپ ھەم ھاياتلىق نۇرۇڭدا. شەپقەت كۆرسەتكىن ئى خۇدا، شەپقەت كۆرسەتكىن ماڭا. چۈنكى مەن پاناھ تاپارمەن سەندە، قاناتلىرىڭنىڭ ئاستىدا، تاكى خەتەر ئۆتۈپ كەتكۈچە. نىدا قىلارمەن خۇداغا _ ئۇلۇغ بولغۇچىغا، مەن ھەققىدىكى ئىرادىسىنى ئىجرا قىلغۇچىغا. ئۇ ئەرشتىن ئەۋەتەر نىجاتلىقىنى، شەرمەندە قىلار مېنى خارلىغانلارنى، كۆرسىتەر ماڭا مۇھەببىتى ۋە ساداقىتىنى. مەن ياتارمەن ئارىسىدا شىرلارنىڭ، ئادەم گۆشى يەيدىغان ئاچ كۆزلەرنىڭ. تىللىرى خۇددى ئۆتكۈر قىلىچ بولسا، نەيزە ۋە ئوقلار كەبى چىشلىرى ئۇلارنىڭ. ئى خۇدا، ئۇلۇغلۇقىڭ كۆرسىتىلگەي ئاسمان-پەلەكتە، شان-شەرىپىڭ نامايان بولغاي پۈتكۈل يەر يۈزىدە. تۇزاق قۇرار يوللىرىمغا رەقىبلىرىم، ئەلەملەردىن ئېزىلدى بۇ يۈرەكلىرىم. ئۇلار ئورا كولىۋىدى يوللىرىمغا، ئۆزلىرى چۈشتى قازغان ئورىلىرىغا. ئىشەنچىم كامىل خۇدا، ئىشەنچىم كامىل ساڭا، شۇڭا مەدھىيە ئوقۇپ ئېيتىمەن ساڭا ناخشا. ئويغان ئەي روھىم! سايرا لىرا، چىلتارىم! ئويغىتايلى تاڭنى نەغمە-ساز بىلەن، ئويغىتايلى تاڭنى مەدھىيە بىلەن. ھەمدۇسانا ئېيتىمەن ساڭا، ئى ئىگەم خۇدا، سېنى كۈيلەيمەن بارچە ئەل، خەلقىئالەم ئارا. چۈنكى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ ئاسمان كەبى بىپايان، ساداقىتىڭ شۇنچە مولدۇر بۇلۇتلارغا تاقاشقان. ئى خۇدا، ئۇلۇغلۇقىڭ كۆرسىتىلگەي ئاسمان-پەلەكتە، شان-شەرىپىڭ نامايان بولغاي پۈتكۈل يەر يۈزىدە. چىقىرامسىلەر ھەق قارار ھۆكۈمدارلار راستتىنلا؟ ئادىلمىدۇ خەلقنىڭ ئۈستىدىكى ھۆكۈمىڭلا؟ ياق، كۆڭلۈڭلاردا يامانلىق ئويلاپ قارار چىقىرىسىلەر، يەر يۈزىدە ئۆزۈڭلار زوراۋانلىق قىلىسىلەر. رەزىللەر ئاداشقاندۇر بالىياتقۇدىن چىققاندىلا، يالغانچىلار يولدىن ئازار ئانىسىدىن تۇغۇلۇپلا. ئى خۇدا، ئۇرۇپ سۇندۇرۇۋەتكىن ئۇلارنىڭ چىشلىرىنى، ئى ئىگەم، يۇلۇۋەتكىن ئۇ شىرلارنىڭ توڭكاي چىشلىرىنى. ئۇلار خۇددى ئېقىپ كەتكەن سۇلار كەبى يوقالسۇن، ئوقيالىرىنى بەتلىسە، ئوقى شۇئان سۇنۇپ كەتسۇن. ئارىمىزدىن يوقالسۇن ئۇلار خۇددى قۇلۇلىلەر ماڭغانسېرى ئېرىپ يوقالغاندەك، كۈن كۆرمىسۇن ئۇلار ئايالنىڭ بويىدىن چۈشۈپ كەتكەن بوۋاقتەك. تىكەن يېقىلىپ ئوچاقتا قازان سەزگۈچە ئىسسىقىنى، ئى خۇدا، يوقۇتىۋەتكىن ئۇلارنى _ ياش-قېرىلارنىڭ ھەممىسىنى. يامانلارنى جازالىسا خۇدايىم ھەققانىيلار خۇش بولار، يامانلارنىڭ قېنىدا پۇتلىرىنى يۇيىدۇ ئۇلار. شۇڭا دەركى ئىنسانلار: «ھەققانىيلار ئىنئام ئالۇر، شۈبھىسىزكى، يەر يۈزىدە سوراق قىلغۇچى خۇدا باردۇر.» قۇتقۇز ئىگەم مېنى رەقىبلىرىمدىن، قوغدا مېنى ماڭا قارشى تۇرغانلاردىن. قۇتقۇزغايسەن يامانلارنىڭ قولىدىن، ئازاد قىلغىن قانخورلارنىڭ قوينىدىن. ئى پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، ئى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، كەلگىن بارلىق خۇداسىزلارنى جازالاشقا، شەپقەت قىلمىغىن رەزىل ساتقۇنلارغا. ھەر ئاخشىمى كېلەر ئۇلار، لالما ئىتتەك شەھەردە ھاۋشىپ يۈرەر، توختىماستىن ئېغىزلىرىدىن يامانلىق چىقار، تىللىرى ئۇلارنىڭ خەنجەرگە ئوخشار، ئىچىدە «قىلغانلىرىمىزنى كىممۇ بىلەر» دەپ ئويلار. لېكىن خۇدا سەن ئۇلار ئۈستىدىن كۈلىسەن، بارلىق خۇداسىز ئەللەرنى مازاق قىلىسەن. ساڭا تەلمۈرىمەن ئى كۈچ-قۇدرىتىم خۇدا، چۈنكى باشپاناھىمدۇرسەن ماڭا دائىما. ۋاپادار پەرۋەردىگار ماڭا كېلىپ ياردەم بېرەر، دۈشمەنلىرىمنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كۆرسىتەر. ئى قالقىنىمىز بولغان ئىگەم، ھالاك قىلما ئۇلارنى، ئۇنتۇمىسۇن خەلقىم ئۇلارنىڭ ھالىنى، قۇدرىتىڭ بىلەن سەرسان قىلغىن ئۇلارنى، يەرگە قاراتقىن ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى. ئېغىزلىرى تولغاندۇر يامانلىققا، زەھەر تامار تىللىرىدىن ئۇلارنىڭ، يامان سۆز ۋە يالغانچىلىقلىرى، تۇمشۇقىدىن ئىلگەي تەكەببۇرلۇقىنىڭ. غەزىپىڭدە يوق قىل ئۇلارنى، قىرىپ تاشلا قالدۇرماي بىرىنى. ئايان بولسۇن پۈتۈن دۇنياغا، ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا خۇدانىڭ ھۆكۈمران ئىكەنلىكى. ھەر ئاخشىمى كېلەر ئۇلار، لالما ئىتتەك شەھەردە ھاۋشىپ يۈرەر. ئوزۇق ئىزدەپ ھەريانغا قاترار، تاپالمىسا ئەگەر ئاچ قېلىپ ھۇۋلار. ۋاھالەنكى، مەن كۈيلەيمەن قۇدرىتىڭنى، ھەر سەھەردە، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى. چۈنكى سەن مېنىڭ قورغىنىمسەن، ئېغىر كۈنلەردە پاناھگاھىمسەن. ئى ماڭا كۈچ-قۇۋۋەت بولغان ئىگەم، باردۇر ساڭا مېنىڭ مەدھىيەم. سەن مېنىڭ مۇستەھكەم قورغىنىمدۇرسەن، ماڭا مۇھەببەت كۆرسەتكۈچى خۇدادۇرسەن. ئى خۇدا، يەر بىلەن يەكسان قىلدىڭ رەت قىلىپ بىزنى، غەزەپلەندىڭ، ئەمدى قايتۇر يېنىڭغا ھەممىمىزنى. سەن تەۋرىتىپ ئېچىۋەتتىڭ يەر-زېمىننى، مانا سىلكىنمەكتە يەر، ئوڭشا ئۇنى. ئى خۇدا، ئازاب سالدىڭ ئۆز خەلقىڭگە، جازا شارابىنى ئىچكۈزدىڭ بىزگە. ئەمما تىكلىدىڭ بەلگە تۇغى ساڭا ئىخلاسى بارلارغا، پاناھلانغاي دەپ ياۋ ئوقيالىرىدىن قېچىپ ئۇنىڭغا. ئوڭ قولۇڭدا قۇتقۇز بىزنى قىلىپ بىزگە ئىجابەت، ئۆزۈڭ سۆيگەن بەندىلىرىڭ تاپسۇن شۇندا نىجات. خۇدا شۇنداق دەيدۇ ئۆز مۇقەددەسلىكى بىلەن: «شادلىقتا خەلقىمگە بۆلۈپ بېرىمەن شەكەم دىيارىنى، تەقسىم قىلىپ بېرىمەن سۇككوت ۋادىسىنى. گىلئاد رايونى مەنسۇپتۇر ماڭا، ماناسسەمۇ ھەم تەئەللۇق ماڭا. ئەفرايىم _ بېشىمدىكى دۇبۇلغامدۇر، يەھۇدا مېنىڭ سەلتەنەت ھاسامدۇر. پۇت يۇيىدىغان قاچىدۇر موئاب ماڭا، چورۇقۇمنى تاشلايمەن ئىدومغا. چۇقان سالىمەن، فىلىستىيە ئۈستىدىن غەلىبە قىلغىنىمغا.» كىم مېنى ئىدومغا زەپەر بىلەن باشلاپ كىرەر، كىم مېنى ئۇ مۇستەھكەم شەھەرگە باشلاپ بارار؟ ئى خۇدا، بىزدىن ۋاز كەچتىڭمۇ؟ بىز بىلەن بىرگە بولمىدىڭ جەڭدىمۇ. دۈشمەنگە قارشى بىزگە بول ياردەمدە، بىھۇدىدۇر زەپەر قازىنىش ئىنساننىڭ ياردىمىدە. خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن كۈرەش قىلىمىز باتۇرلارچە، ئىگەم ئۆزى مەغلۇپ قىلار دۈشمىنىمىز تۈگىگۈچە. ئى خۇدا، ئاڭلىغايسەن پەريادىمنى، قوبۇل قىلغىن ساڭا قىلغان دۇئايىمنى. چۈشكۈنلۈك باسقاندا قەلبىمنى، ئىلتىجا قىلىمەن يىراقتىن ساڭا، يېتەكلىگىن مېنى پاناھلىنىدىغان ئېگىز قورام تاشقا. شۈبھىسىزكى، سەن مېنىڭ باشپاناھىم، دۈشمىنىمدىن قوغدايدىغان مۇستەھكەم قورغىنىم. چېدىرىڭنى مەڭگۈلۈك ماكان قىلاي، قاناتلىرىڭنىڭ سايىسىدا پاناھ تاپاي. ئى خۇدا، ئاڭلاپ سەن قەسەملىرىمنى، بەردىڭ ماڭا، ساڭا ئىخلاس قىلغانلارغا ئاتىغان بەختنى. ئۇزارتىپ پادىشاھنىڭ ئۆمرىنى، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە داۋام ئەتكىن تەختىنى. ئى خۇدا، ئۇ مەڭگۈ ھۆكۈم سۈرسۇن كۆز ئالدىڭدا، قوغدىغاي ئۇنى مۇھەببىتىڭ ۋە ساداقىتىڭ دائىما. نەغمە-ناۋا قىلاي مەڭگۈ ئاتاپ سېنىڭ نامىڭغا، ساڭا بەرگەن قەسەملىرىمنى ھەر كۈنى قىلىپ ئادا. ئارام تاپار جېنىم پەقەت خۇدادىن، نىجاتلىقمۇ ماڭا پەقەت كېلەر ئۇنىڭدىن. قورام تېشىم، نىجاتكارىم پەقەت خۇدادۇر، تەۋرەنمەسمەن چۈنكى ئۇ قورغىنىمدۇر. پەقەت خۇدادىنلا ئارام تاپ ئەي جېنىم، چۈنكى ئۇنىڭدىدۇر مېنىڭ بارلىق ئۈمىدىم. قورام تېشىم، نىجاتكارىم پەقەت خۇدادۇر، تەۋرەنمەسمەن چۈنكى ئۇ قورغىنىمدۇر. نىجاتلىقىم، شان-شۆھرىتىم خۇدادىن كېلۇر، خۇدا مېنىڭ باشپاناھىم، قورام تېشىمدۇر. ئەي خالايىق ھەر دائىم ئىشىنىڭلار خۇداغا، ئىزھار ئەيلەپ كۆڭۈل ۋە دەردىڭلارنى ئۇنىڭغا. چۈنكى پەرۋەردىگار بىزگە بولىدۇ بىر پاناھگاھ. ئىنسان پەقەت بىرلا تىنىقتۇر، شۆھرىتىمۇ ئۇنىڭ قۇرۇقتۇر. كۆتۈرۈلۈپ كېتەر سېلىنسا تارازىغا ئۇلار، چۈنكى ئۇلار بىر تىنىقتىنمۇ يېنىكتۇر. تايانما زومىگەرلىككە، ئۈمىد باغلىما بۇلاڭچىلىققا. ئەگەردە بايلىقىڭ ئاۋۇسا، كۆڭۈل بەرمە ئۇنىڭغا. پەرۋەردىگارىم ئېتىقاد قىلىمەن ساڭا، ئىزدەيمەن سېنى ئىنتىزار بولۇپ ئى خۇدا. سۇغا تەشنا بولغان قۇرغاق، قاقاس يەر كەبى، تەشنا بولدۇم ئۆزۈڭگە، ۋۇجۇدۇم ئىنتىلەر ساڭا. مۇقەددەس جايدا تۇرۇپ نەزەر سالسام، كۈچ-قۇدرەت، شان-شەرىپىڭنى كۆرۈۋالسام. ھاياتتىنمۇ قىممەتتۇر مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ، شۇڭا سېنى مەدھىيەلەر تىلىم مېنىڭ. تەرىپلەيمەن ئىگەم سېنى جېنىم تەندە بولسىلا، قوللىرىمنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىمەن ساڭىلا. سەن مەدەتكار بولۇپ كەلدىڭ ماڭا ئى خۇدا، كۈيلەيمەن سېنى قاناتلىرىڭ سايىسىدا. بىردىنبىر تايانچىم بىلدىم سېنى، ئوڭ قولۇڭ يۆلەر مېنى. ئەمما تېگى يوق گۆرگە چۈشەر، جېنىمنىڭ پېيىگە چۈشكەنلەر. قىلىچتا ئېلىنار ئۇلارنىڭ جانلىرى، چىلبۆرىگە يەم بولار ھەم ئۇلارنىڭ تەنلىرى. ئىشىنىمەنكى پادىشاھ خۇدادىن خۇرسەن بولار، «خۇدا گۇۋاھ» دەپ قەسەم ئىچكەنلەر خۇدانى ئۇلۇغلار، بەرھەق، يالغان سۆزلىگەنلەرنىڭ زۇۋانى تۇتۇلار. قۇلاق سالغىن ئى خۇدا، ئاڭلا مېنىڭ ئاھىمنى، دۈشمەنلەرنىڭ قەستىدىن قوغدىغىن ھاياتىمنى. ساقلىغىن مېنى ئۆزۈڭ رەزىللەرنىڭ سۇيىقەستىدىن، ئامان قىل ھاياتىمنى يامانلارنىڭ قەستىدىن. بەئەينى شەمشەر كەبى ئۆتكۈر ئۇلارنىڭ تىللىرى، خۇددى ئوقيادەك بەتلەكلىك ئۇلارنىڭ زەھەر سۆزلىرى. يوشۇرۇن ئاتار ئۇلار گۇناھسىز كىشىلەرنى، تۇيۇقسىز ئوققا تۇتار تەپ تارتماستىن ئۇلارنى. بەتنىيەتلىك قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ بىر-بىرىنى، مەسلىھەتلىشەر ئۆزئارا يوشۇرۇن تۇزاق قۇرۇشنى، ئويلايدۇ ئۇلار: «كىم بىلىپ قالاتتى بۇ ئىشلارنى.» دەيدۇ ئۇلار ھەرخىل سۇيىقەست ئويلاپ چىقىپ: «مۇكەممەل پىلان تۈزدۇق بىرلىشىپ.» نېمىدېگەن سىرلىق ھە، ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسى. ئەمما خۇدا ئۇلارغا ئوق ئاتار، ئۇلار تۇيۇقسىز يارىدار بولار. تىللىرىدىن ئىلىنىپ گۇمران بۇلار، ئۇلارنى كۆرگەنلەر مەسخىرە قىلار. قورقۇنچ باسار ھەممە ئىنسانلارنى، ئويلىغاندا خۇدانىڭ قۇدرىتىنى، بايان قىلار ئۇنىڭ كارامەتلىرىنى. ھەققانىيلار شادلانسۇن پەرۋەردىگاردىن دائىما، پاناھ تاپسۇن ھەم ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قوينىدا، قەلبى پاكلار ھەمدۇسانا ئېيتسۇن ئۇنىڭغا. ھەمدۇسانا ئوقۇماق بولۇپ ساڭا ئى خۇدا، كىشىلەر كۈتمەكتە سېنى سىئوندا. ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرار ئۇلار شۇ جايدا. دۇئالارنى ئاڭلىغۇچى ئى خۇدا، ھەممە ئىنسان كېلىدۇ سېنىڭ ئالدىڭغا. گۇناھلار بېسىۋالغان بولسىمۇ بىزنى، كەچۈرۈم قىلىسەن گۇناھلىرىمىزنى. نەقەدەر بەختلىكتۇر سەن ئۆزۈڭگە يېقىن قىلىپ تاللىغان كىشىلەر، ياشار ئۇلار مۇقەددەس ھويلىلىرىڭدا، بولىمىز مەمنۇن ئۆيۈڭنىڭ بەرىكىتىدىن، ئىبادەتخاناڭنىڭ مۇقەددەسلىكىدىن. ئۇلۇغ غەلىبەڭ بىلەن جاۋاب بېرىسەن بىزگە، ئى قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدا. ئۈمىدىسەن بارچە ئىنساننىڭ، تاكى چېتىدىكىلەرگىچە زېمىننىڭ. قۇدرەت بىلەن باغلاپ بېلىڭنى، كۈچۈڭ بىلەن تىكلىدىڭ تاغلارنى. تىنچىتىسەن دېڭىزلارنىڭ شاۋقۇنلىرىنى، ھەم يات ئەللەرنىڭ توپىلاڭلىرىنى. ئەيمىنەر كارامەتلىرىڭدىن يىراقتىكى ئەللەر، شەرقتىن-غەربكىچە كۈي ياڭرىتار خەلقلەر. سەن يەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، سۇ بىلەن سۇغىرىپ ئۇنى بەكمۇ مۇنبەتلەشتۈردۈڭ زېمىنىڭنى. سۇغا تولدۇردۇڭ ئېرىق، ئۆستەڭ، دەريالىرىڭنى، ئاشلىق بىلەن تەمىنلەشكە بەندىلىرىڭنى. سەن نېسىپ قىلدىڭ شۇنداق بولۇشنى. تولدۇرۇپ سۇغا چۆنەكلەرنى، تاراشلايسەن قىرلىرىنى. يامغۇر بىلەن يۇمشىتىپ يەرنى، ئۈندۈرىسەن ئۇندا مول زىرائەتلەرنى. مول ھوسۇلنى بېشىغا تاج قىلىپ تاقايسەن يىللارنىڭ، باي-باياشات، توق بولار يەتكەنلا جايلار قەدىمىڭ. قويۇق ۋە ئەلۋەك بولار دالادىكى ئوتلاقلار، تاغ-داۋانلارمۇ بېلىنى شادلىق كەمىرىدە باغلار. ئېكىن كەبى ياراشقان قويلار توپى ئوتلاققا، زىرائەت ۋە مايسىلار تولۇپ كەتكەن جىلغىغا. شۇڭا ئۇلار ناخشا ئېيتار ياڭرىتىپ شادلىقتا. شۇنداق دەڭلار ئەي خالايىق خۇداغا‏: «نەقەدەر ھەيۋەتلىك-ھە قۇدرىتىڭ! كۆرسىتىلگەندە كارامىتىڭ ئى خۇدا، دۈشمەنلىرىڭ تۈگۈلۈپ قالار ئالدىڭدا. پۈتكۈل يەر-جاھان سەجدە قىلماقتا ساڭا، كۈيلەپ ھەمدۇسانا ئوقۇماقتا نامىڭغا.» كۆرۈڭلار خۇدانىڭ بۈيۈك قۇدرىتىنى، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن كارامەتلىرىنى. ئۇ يول ئاچتى دېڭىزنى يېرىپ، مېڭىپ ئۆتتى خەلقلەر قۇرغاق يولدىن. تەنتەنە قىلدۇق مىننەتدار بولۇپ خۇدادىن. ئۆز قۇدرىتى بىلەن مەڭگۈ ھۆكۈم سۈرىدۇ خۇدا، پۈتكۈل ئىنسان ئىشلىرى ئاياندۇر كۆز ئالدىدا. ئىتائەتسىزلەر قارشى چىقمىسۇن ئۇنىڭغا. ئەي يات خەلقلەر مەدھىيەلەڭلار خۇدايىمىزنى، ياڭرىتىڭلار ئۇنىڭغا ئاتاپ ھەمدۇسانا، ئالقىشلارنى. ئۇ ساقلاپ كەلدى ھاياتىمىزنى، تېيىلىپ كېتىشتىن پۇتلىرىمىزنى. ئى خۇدا، سەن بىزنى سىنىدىڭ، كۈمۈشنى ئوتتا تاۋلىغاندەك تاۋلىدىڭ. سەن تۇزاققا چۈشۈردۈڭ بىزنى، يەلكىمىزگە ھەم ئارتتىڭ ئېغىر يۈكنى. غەلىبە قىلدۇرغانىدىڭ ئۈستىمىزدىن دۈشمىنىمىزنى. سەن ئۆزۈڭ سۇدىنمۇ، ئوتتىنمۇ ئۆتكۈزۈپ بىزنى، ئاخىرى مولچىلىققا ئېلىپ كەلدىڭ خەلقىمىزنى. ئى خۇدا ساڭا ئاتاپ بورداق ماللارنى، كۆيدۈرمە قۇربانلىققا بېغىشلايمەن. قوچقار يېغىنى كۆيدۈرۈپ، پۇرىتىمەن، بۇقا ۋە ئۆچكىلەرنىمۇ ئۆزۈڭگە سۇنىمەن. ئەي خۇداغا ئىخلاسى بارلار، تىڭشاڭلار سۆزۈمنى، سۆزلەپ بېرەي خۇدانىڭ ماڭا كۆرسەتكەن كارامەتلىرىنى. ئاۋازىمنى كۆتۈرۈپ خۇداغا قىلدىم نىدا، ئوقۇدۇم ئۇنىڭغا مەدھىيە، ھەمدۇسانا. پەرۋەردىگار قۇلاق سالماس ئىدى دۇئايىمغا، مايىل بولسا ناۋادا قەلبىم مېنىڭ گۇناھقا. شۈبھىسىزكى، دۇئايىمنى ئاڭلىدى خۇدا، دۇئا قىلغىنىمدا قۇلاق سېلىپ تۇردى ماڭا. تەرىپلەيلى ھەممىمىز خۇدايىمىزنى، ئۇ رەت قىلمىدى دۇئايىمنى، مەندىن خالىي قىلمىدى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى. بىزنى بەختلىك قىلغايسەن خۇدا، شەپقىتىڭنى كۆرسىتىپ بىزگە، دىدارىڭنىڭ جىلۋىلىرىنى، چېچىپ بىزنىڭ ئۈستىمىزگە. ئالەم ئارا مەلۇم بولغاي سېنىڭ يولۇڭ، بارچە ئەللەر ئارىسىدا نىجاتلىقىڭ. مەدھىيەلىگەي سېنى خۇدا ھەممە خەلقلەر، ھەمدۇسانا ئوقۇغاي ساڭا جىمى مىللەتلەر. بارچە ئەلنى بىر ئۆزۈڭ يېتەكلەيسەن ئى خۇدا، ھەم ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئادىل ھۆكۈم چىقىرىسەن ئى خۇدا، شۇڭا بارلىق ئىنسانلار شادلىنىپ ئالقىش ياڭراتقاي ساڭا. مەدھىيەلىگەي سېنى خۇدا ھەممە خەلقلەر، ھەمدۇسانا ئوقۇغاي ساڭا جىمى مىللەتلەر. يەر-زېمىندىن ئالدۇق ھوسۇلنى، خۇدايىمىز بەختىيار قىلدى بىزنى. خۇدا بىزگە بەخت ئاتا قىلغاي، بارچە ئىنسان ئۇنىڭغا ئىخلاس قىلغاي. ھەرىكەت قىلغان بولسا ئىدى پەرۋەردىگار، دۈشمەنلىرى تىرىپىرەن بولار ئىدى. ئۆچمەنلىرى ھەر تەرەپكە قاچار ئىدى. شامال ئۇچۇرۇپ كەتكەندەك ئىس-تۈتەكنى، خۇدا جەزمەن يوق قىلىدۇ رەزىللەرنى. ھالاك بولار رەزىللەر خۇدا ئالدىدا، خۇددى مومدەك ئېرىگەن ئوتتا. ھەققانىيلار تەنتەنە قىلىپ، خۇشال بولار، خۇدا ھۇزۇرىدا روھى ئۇرغۇپ، شادلىنار. خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار، نامىنى كۈي-ناخشىغا قېتىڭلار. ئۇ بۇلۇتلار ئۈستىدىدۇر، ئۇلۇغلاڭلار، «مەڭگۈ بار بولغۇچى _ ياھ»دۇر ئۇنىڭ نامى. ھۇزۇرىدا خۇشاللىققا چۆمۈڭلار. ئاتا بولغان يېتىملارغا، ئىگە چىققان تۇل خوتۇنلارغا، ئۇ خۇدادۇر، ماكانى مۇقەددەستۇر. ئۆي-ئۇچاقلىق قىلار خۇدا غېرىبلارنى، ئازاد قىلىپ، مۇنبەت يەرگە باشلار سۈرگۈنلەرنى، لېكىن، قاغجىراق يەرگە قالدۇرار بويسۇنمىغانلارنى. ئى خۇدا، زېمىن ۋە بەندىلىرىڭ ئۈستىگە، خاسىيەتلىك يامغۇرۇڭنى ياغدۇردۇڭ. ھالسىرىغاندا ئۇلارغا قۇۋۋەت بەردىڭ. شەپقىتىڭگە نائىل بولغان بەندىلىرىڭ ماكان تۇتتى، ئېزىلگەن قوۋمىڭ سېنىڭ بەرىكىتىڭگە ئېرىشتى. پەرۋەردىگار غەلىبىسىنى جاكارلىدى، قىز-ئاياللار توپ بولۇپ، خۇش خەۋەرنى تارقاتتى: «پادىشاھلار ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرى قېچىشتى.» ئۆيدە ئولتۇرغان قىز-ئاياللار ئولجىلارنى بۆلۈشتى. بايلىق بولدى ھەممىسىگە بۇ ئولجىلار، باي بولدى ھەتتا ئۆي-ماكانسىز پادىچىلار، ئىگە بولدى يەنە كۈمۈش قاناتلىق، ئالتۇن پەيلىك كەپتەرلەرگە ئۇلار. قادىر خۇدا يات شاھلارنى تىرىپىرەن قىلغىنىدا، قار ياغقاندەك ھالەت پەيدا بولدى زالمون تېغىدا. ئەي ھەيۋەتلىك باشان تېغى، چوققىلىرىڭ شۇنچە كۆپ تېخى، ئەي ھاكاۋۇر باشان تېغى، نېچۈن شۇنچە ھەسەت بىلەن قارايسەن، خۇدا ماكان قىلىپ تاللىغان سىئون تېغىغا _ خۇدا مەڭگۈ ماكان تۇتقان تۇرسا ئۇنىڭدا؟ خۇدانىڭ جەڭ ھارۋىلىرى نۇرغۇن، سان-ساناقسىز، سىناي تېغىدىن مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا كىرەر ئىگىمىز. رەببىمىز سەن يۇقىرىغا چىققىنىڭدا، ئېلىپ كېتىسەن نۇرغۇنلىغان ئەسىرلەرنى. سېلىق قوبۇل قىلىسەن ئىنسانلاردىن، ھەتتا ساڭا ئىتائەتسىزلىك قىلغانلاردىن، ئىگەم خۇدا ئورۇن ئالىسەن سىئوندىن. مەدھىيەلەر بولسۇن ئىگىمىزگە، ئۇ ھەر كۈنى ئېغىرچىلىقىمىزنى كۆتۈرمەكتە، پەرۋەردىگار نىجاتكاردۇر بىزگە. پەقەت بىزنىڭ رەببىمىز نىجاتكار خۇدا، ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇش قادىر ئىگەمنىڭ قولىدا. بەرھەق، خۇدا كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتەر دۈشمەنلىرىنىڭ بېشىنى، چاقار يامان يولدا مېڭىۋەرگەنلەرنىڭ ئۇزۇن چاچلىق بېشىنى. پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: «دۈشمەنلىرىمنى قايتۇرۇپ كېلىمەن باشان دىيارىدىن، ئېلىپ چىقىمەن ئۇلارنى دېڭىزنىڭ چوڭقۇر يېرىدىن. شۇنىڭ بىلەن مىلىنىدۇ پۇتلىرىڭ قانغا _ دۈشمەنلىرىڭنىڭ قېنىغا، ئۇلاردىن ئالالايدۇ نېسىۋىسىنى ئىتلىرىڭمۇ.» ئى خۇدا، سېنىڭ زەپەر قەدەملىرىڭ كۆرۈنمەكتە، ئى خۇدا، مېنىڭ پادىشاھىم بولغان پەرۋەردىگارىم _ مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا كېتىۋاتقىنىڭ كۆرۈنمەكتە. ماڭماقتا ئالدىڭدا مۇناجاتچىلار، كەينىڭدە سازچىلار. ئوتتۇرىسىدا داپچى قىزلار. جامائەتلەر ئارا ئالقىش-سادا ياڭرىتىڭلار خۇداغا، ئەي ئىسرائىللار، مەدھىيە ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا. ئەنە ئۇ يەردە كىچىك بىنيامىن قەبىلىسى ئۇلارغا باشلامچى بولۇپ ماڭماقتا. باردۇر ئۇلارنىڭ كەينىدە سەپ تۈزگەن يەھۇدا ئەمىرلىرى، شۇنداقلا زەبۇلۇننىڭ ھەم نافتالىنىڭ ئەمىرلىرى. ئى خۇدا، نامايان قىلىپ قۇدرىتىڭنى، ئىلگىرى كۆرسەتكەندەك كۆرسەتكىن كۈچۈڭنى. كېلىپ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخاناڭغا، پادىشاھلار ئاتار ھەدىيەلەر ساڭا. تەنبىھ بەرگىن قومۇشلۇقتىكى ئاشۇ يىرتقۇچ ھايۋانلارغا، بۇقىلار باشلاپ ماڭىدىغان موزايلار كەبى يات ئەللەرگە. يەرگە ئۇرغىن بىزدىن كۈمۈش-تەڭگە تەمە قىلغانلارنى، تارمار قىلغىن ھەم يات ئەللەردىكى ئۇرۇشخۇمارلارنى. مىسىردىن مۆتىۋەر ئەلچىلەر كېلەر، ئېفىيوپىيە خۇداغا خالىس ھەدىيە تەقدىم قىلار. ئى جاھاندىكى پادىشاھلىقلار، ئىگىمىزگە مەدھىيە ناخشا ئېيتىڭلار، رەببىمىزنى كۈيىڭلەرگە قېتىڭلار. قەدىمدىن بار بولغان، ئاسمانلاردا يۈرىدىغان، قۇدرەتلىك ئاۋازىدا ئاسمان باغرىنى يارغان، ئىگىمىزنىڭ شەنىگە كۈي-ناخشىلار ئېيتىڭلار. جاكارلاڭلار پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرىتىنى، ئۇ يۈرگۈزەر ئىسرائىل ئۈستىدىن سەلتەنەتلىك ھوقۇقىنى، نامايان قىلار ئۇ ھەم سامادا كۈچ-قۇدرىتىنى. شەۋكەتلىكتۇر خۇدا مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدا. ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار، ئۆز قوۋمىغا كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلار. مەدھىيەلەر ئوقۇلغاي خۇداغا! ئى خۇدا قۇتقۇزغىن مېنى، سۇ تۇمشۇقۇمغا يەتتى! تېگى يوق پاتقاققا پېتىپ كەتتىم، كەلكۈندە غەرق بولۇپ، چوڭقۇرغا چۆكۈپ كەتتىم. پەرياد چېكىپ ھالىم كەتتى، گاللىرىم قۇرۇپ كەتتى، تەلمۈرۈپ خۇدايىمغا كۆزۈمنىڭ نۇرى كەتتى. چېچىمدىن كۆپتۇر مېنىڭ، سەۋەبسىز ماڭا ئۆچلەر. قارا چاپلار ماڭا ئۇلار، مېنى يوقاتماقچى بولغانلار _ مەندىن كۈچلۈك دۈشمەنلەر. مەن بۇلىمىغان نەرسىنى، قايتۇرۇپ بەر، دەيدۇ ئۇلار. ئى خۇدا، نادانلىقىم ساڭا ئايان، مېنىڭ يەنە قەبىھلىكلىرىم _ يوشۇرۇن ئەمەس، ساڭا ئايان. ئى پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئۈمىدىنى ساڭا باغلاپ كۈتكەنلەر يەرگە قاراپ قالمىغاي. ئى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، ساڭا تەلپۈنگەنلەر، مېنىڭ سەۋەبىمدىن شەرمەندە بولمىغاي. ھاقارەتلەندىم سەن ئۈچۈن خۇدا، يۈزۈم چۈشۈپ، قالدىم نومۇستا. يات بولدۇم تۇغقانلىرىمغا، ياققا يۇرتلۇق ئاتالدىم قېرىنداشلىرىمغا. چۈنكى مۇقەددەس ئۆيۈڭگە بولغان مۇھەببىتىم ئۇرغۇتىدۇ خۇددى ئوتتەك مېنىڭ قەلبىمنى. ساڭا ھاقارەت قىلغانلارنىڭ ھاقارەتلىرىمۇ، باستى ھەم مېنىڭ ئۈستۈمنى. مەن روزا تۇتۇپ يىغلىسام تۆۋەن تۇتۇپ ئۆزۈمنى، مەسخىرە قىلدى ئۇلار مېنى. ماتەم تۇتۇپ، مەيۈسلىنىپ يۈرسەممۇ ئۆزۈم، مەن ئۇلارنىڭ سۆز-چۆچىكىگە يەنە قالدىم. تەنە قىلدى شەھەر قوۋۇقىدا ئولتۇرغانلار، مەيخورلارنىڭ ناخشىسىغا تېما بولدۇم. شۇنداقتىمۇ دۇئا قىلىمەن توختىماي ساڭا، مەڭگۈلۈك مۇھەببەت بولغاچ سەندە، خالىغان ۋاقتىڭدا، ئىشەنچلىك نىجاتلىقىڭنى دۇئالىرىمغا جاۋاب قىلىپ، بەرگىن ماڭا. قۇتقۇز مېنى ماڭا ئۆچ بولغانلاردىن، قۇتقۇز مېنى پېتىپ قالغان پاتقاقلىقتىن، قۇتقۇز مېنى سۇنىڭ چوڭقۇر قاينىمىدىن. غەرق قىلما مېنى كەلكۈن سۇلىرىغا، يۇتقۇزمىغىن مېنى دېڭىز دولقۇنىغا، يەم قىلمىغىن مېنى تەگسىز ھاڭغا. ئى پەرۋەردىگار، ماڭا ئۆزۈڭ جاۋاب بەرگىن، چۈنكى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ ئەۋزەل ماڭا، مېھرى چەكسىز جامالىڭنى كۆرسەت خۇدا. جامالىڭنى مەن قۇلۇڭدىن يوشۇرمىغىن، چۈنكى ئېغىر كۈن چۈشتى مېنىڭ بېشىمغا. ئى ئىلاھىم، ماڭا تېزدىن جاۋاب بەرگىن. ئى پەرۋەردىگار، يېقىنلاشقىن ماڭا، خالاس قىلىپ دۈشمەنلىرىمدىن، قۇتقۇزغۇچى بولغىن جېنىمغا. بىلىسەن مېنىڭ قانداق ھاقارەتلەنگەنلىكىمنى، رەسۋا بولۇپ بىھۆرمەت قالغانلىقىمنى، سەن بىلىسەن مېنىڭ بارلىق رەقىبلىرىمنى. قەلبىمنى زىدە قىلدى ھاقارەتلەر، قايغۇ ۋە ھەسرەتلەرگە چۆمۈلدىم. تەلمۈرسەممۇ ھېسداشلىق قىلارمۇ دەپ بىرەرى، ياكى تەسەللى بىرەرمۇ دەپ بىرەرسى، بىرەرسىمۇ چىقمىدى، يوقتۇر ھېچكىم. ئۇلار بەردى ئوزۇقلۇقۇمغا زەھەرنى، ئۇسسۇزلۇقۇمغا بۇزۇلغان شارابنى. زىياپىتى ئۆزلىرىگە قىلتاق بولغاي، مېھمانلىرى ئۈچۈن قاپقان بولغاي. بەل-پۇتلىرى مادارسىز تىترەپ تۇرغاي، كۆزلىرى تورلىشىپ كور بولغاي. غەزىپىڭنى ئۇلارغا چۈشۈرگەيسەن، قەھرىڭنىڭ ئوتىدا كۆيدۈرگەيسەن. ماكانلىرى ئۇلارنىڭ خاراب بولسۇن، چېدىرلىرى چۆلدەرەپ قالسۇن. چۈنكى ئۇلار تېخىمۇ زىيانكەشلىك قىلماقتا سەن جازالىغانلارغا، ئازاب قوشماقتا سەن زەخىملەندۈرگەنلەرنىڭ ئازابىغا. ئى پەرۋەردىگار، جازا قوشقىن ئۇلارنىڭ جازاسىغا، ھەم ئادالەتنىڭ نېسىۋىسىنى بەرمىگىن ئۇلارغا. ئۆچۈرۈۋەتكىن ھاياتلىقنىڭ دەپتىرىدىن ئۇلارنى، ھەم ھەققانىيلار قاتارىغا پۈتمىگىن ئۇلارنى. بىراق ئۆزۈم دەرد تارتتىم ۋە ئېزىلدىم، قۇتقۇز مېنى، پاناھىڭغا ئال ئىگەم. مەدھىيەلەيمەن مۇناجاتتا نامىڭنى، ئۇلۇغلايمەن شۈكۈر ئېيتىپ سېنى. بۇنداق قىلىش سېنى خۇرسەن قىلار، بۇ ساڭا ئۆكۈز تەقدىم قىلغاندىن ئەۋزەلدۇر، مۈڭگۈزلۈك ۋە تۇياقلىق بۇقىلاردىنمۇ ئەلادۇر. ئېزىلگەنلەر بۇنى كۆرۈپ خۇش بولار، خۇداغا تەلپۈنگەنلەر روھلىنىپ ئىلھاملىنار. چۈنكى خۇدا قۇلاق سالار موھتاجلارنىڭ دەردلىرىگە، ئېتىبارسىز قارىماس ئازاب تارتقان بەندىلىرىگە. مەدھىيەلىسۇن ئاسمان-زېمىن خۇدانى، مەدھىيەلىسۇن دېڭىز-ئوكيان، جانىۋارلار ھەم ئۇنى. چۈنكى خۇدا قۇتقۇزار سىئوننى، قايتا بىنا قىلار يەھۇدىيە شەھەرلىرىنى. ئۇ يەر خۇدانىڭ خەلقىگە مەنسۇپ بولار، ئۇلار شۇ زېمىندا ھەم ماكانلىشار. خۇدا قۇللىرىنىڭ ئەۋلادلىرىغا بۇ زېمىننى ئاتا قىلار. خۇدانى سۆيگەنلەر بۇ يەرلەردە ماكانلىشار. ئى پەرۋەردىگار، تېزرەك ياردەم قىلىپ ماڭا، قۇتقۇز مېنى ئى خۇدا. يۈزى چۈشۈپ شەرمەندە بولسۇن، ھاياتىمغا قەست قىلغانلار. رەسۋا بولۇپ ئارقىدا قالسۇن، جاپايىمدىن شادلانغانلار. مەسخىرە قىلىپ، كۈلگەنلەر ماڭا، شەرمەندە بولۇپ قايتسۇن ئارقىغا. سەندىن خۇشال بولۇپ، شادلانسۇن، ھەممە تەلپۈنگەنلەر ساڭا. نىجاتلىقىڭنى سۆيگەنلەر، دېسۇن دائىم «ئۇلۇغدۇر خۇدا». مەن بىر بىچارە، ھاجەتمەن، ئى خۇدا، تېز كەلگەيسەن يېنىمغا. سەن مېنىڭ مەدەتكارىم، قۇتقۇزغۇچىم، ئى پەرۋەردىگار، ئۆتۈنەي، ھايال بولما. پەرۋەردىگار، سەنلا باشپاناھدۇرسەن ماڭا، مېنى يەرگە قاراتمىغىن قىلىپ رەسۋا. قۇتقۇزغىن مېنى ئۆز ھەققانىيلىقىڭدا، قۇتۇلدۇر مېنى قۇلاق سېلىپ ئاھلىرىمغا. قورام تاشتەك پاناھ بولغىن دائىم ماڭا، سەن مېنىڭ تېغىمدۇرسەن قورغان كەبى، ئىرادە قىلدىڭ مېنى ئۆزۈڭ قۇتقۇزماققا. ئىگەم مېنى ئازاد قىلغىن رەزىللەرنىڭ قولىدىن، ئادالەتسىز، رەھىمى يوق ئادەملەرنىڭ ئالىقىنىدىن. ئۆزۈڭ ئۈمىدىمسەن، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، ياشلىقىمدىن تارتىپ سەن بولدۇڭ تايانچىم. ھامىلە ۋاقتىمدىن باشلاپ ساڭا تاياندىم، ئانامنىڭ قورسىقىدىن سەن ئۆزۈڭ چىقاردىڭ، شۇندىن بۇيان مەدھىيەمنى ساڭا ئاتاپ كەلدىم. كۆپ ئادەملەر ئۈچۈن نەمۇنە مەن، چۈنكى سەن قۇدرەتلىك پاناھىمدۇرسەن. ئاغزىمدىن ئەسلا چۈشمەس ساڭا ھەمدۇسانالار، چۈشمەس شان-شەرىپىڭنى ئالقىشلىغان سادالار. تاشلاپ كەتمىگىن مېنى قېرىپ ھالىم قالمىغاندا، تەرك ئەتمىگىن مېنى قۇۋۋىتىمدىن ئايرىلغاندا. چۈنكى دۈشمەنلىرىم مېنى قەستلىشىپ، جېنىمنى ئالماق بولغانلار بىرلىشىپ، دېيىشەر: «خۇدا ئۇنى تەرك ئەتتى، ئۇنى قوغلاپ تۇتايلى، قۇتۇلدۇرىدىغانلار يوقتۇر ئەمدى.» مەندىن يىراق كەتمىگىن ئى خۇدا، ياردەمگە تېزراق كەلگىن يېنىمغا. مېنى قارىلىغۇچىلار شەرمەندە بولۇپ يوق بولسۇن، ماڭا قەست ئويلىغانلار رەسۋا بولۇپ جاق تويسۇن. بىراق ئۆزۈم ئۈمىدسىز بولمايمەن زىنھار، ساڭا بولغان ئالقىشلىرىم بارغانچە ئاشار. ئاغزىمدىن چۈشمەس ئادالىتىڭ ۋە نىجاتىڭ، ئەقلىم يەتمەيدىغان ئاشۇ ئاجايىپ ئىشلىرىڭ. لەببەي بولۇپ ئالدىڭدا، مەدھىيەلەيمەن بۈيۈك ئىشلىرىڭنى رەببىم خۇدا، جاكارلايمەن ھەققانىي دەپ پەقەت سېنىلا. ئى خۇدايىم، بىلمىگەننى سەن بىلدۈردۈڭ ياشلىقىمدىن، كارامەتلىرىڭنىڭ جاكارچىسى بولۇپ كەلدىم شۇ چاغدىن. قېرىپ ئاقارغاندا قارا چاچلىرىم، تاشلاپ كەتمە مېنى ئىلاھىم. بايان قىلاي ئەۋلادلارغا قۇدرىتىڭنى، سۆزلەپ بېرەي مەندىن كېيىن كەلگەنلەرگە، سېنىڭ كۆرسەتكەن ئۇلۇغ مۆجىزىلىرىڭنى. ئۇلۇغ كارامەتلەرنى قىلغان تەڭداشسىز خۇدا، تاقىشار ئادالىتىڭ ئاسمان-پەلەككە، كىممۇ قىلالار بۇنداق ئىشنى ئوخشاش ساڭا. ماڭا ئازاب-كۈلپەتلەرنى كۆرسەتكىنىڭ، دەل گۆر ئاغزىدىن مېنى تارتىپ ئېلىپ، جانلاندۇرۇپ يېڭى ھاياتقا باشلىغىنىڭ. تېخىمۇ بەك ئۈستۈن قىلىسەن ھۆرمىتىمنى، يېنىمغا كېلىپ ماڭا بېرىسەن تەسەللى. ئىلاھىم كۈيلەيمەن سېنى چېلىپ لىرا، ساداقىتىڭگە ئېيتىمەن ھەمدۇسانا، ساڭا مەنسۇپ كۈيلىرىم بار چىلتارىمدا، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا. سېنى كۈيلىسەم تەنتەنە قىلار لەۋلىرىم، شادلىنار، سەن ھۆر قىلغان قەلبىم. تىلىم ھەمىشە بايان ئەيلەر سېنىڭ ئادالىتىڭنى، چۈنكى رەسۋا قىلىپ يىقىتتىڭ شۇم نىيەتتە بولغانلارنى. ئى خۇدا، پادىشاھقا ئاتا قىلغىن ئادالىتىڭنى، بەرگىن شاھنىڭ ئوغلىغا ھەققانىيىتىڭنى. ئۇ خەلقىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈملەرنى ئادىل چىقارغاي، ئاجىز، يوقسۇل بەندىلەرگە ھەققانىي بولغاي. تاغلار ئېلىپ كەلگەي خەلقلەرگە مەمۇرچىلىق، ئادالەتتىن ئېدىرلارمۇ بەرگەي باياشاتلىق. ئاقلىغۇچى بولۇپ پادىشاھ ئېزىلگەن مۆمىنلەرگە، قۇتۇلدۇرغاي نامراتلارنىڭ بالىلىرىنى ھەم بىتچىت قىلغاي زالىملارنى. ئى خۇدا، بەندىلىرىڭ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە ئىخلاس قىلغاي ساڭا، تاكى كۈن ۋە ئاي پارلاپ تۇرغۇچە ئاسماندا. يامغۇر كەبى پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانى، ياشارتقاي يېڭىدىن ئورۇلغان ئوتلاقلارنى، يېغىن بولۇپ سۇغارغاي يەر-زېمىننى. روناق تاپقاي ھەققانىيلار ئۇنىڭ زامانىدا، تىنچلىق بولغاي زېمىندا تاكى ئاي نۇر بېرىشتىن توختىغىچە ئاسمانغا. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغاي دېڭىزدىن ئوكيانغىچە، فىرات دەرياسىدىن زېمىننىڭ چېتىگىچە. چۆل-باياۋاندا ياشاۋاتقانلار تىز پۈكەر ئۇنىڭغا، رەقىبلىرى مەغلۇپ بولار مىلىنىپ توپا-چاڭغا. ئۇنىڭغا باج تاپشۇرار تارشىش ۋە ئاراللارنىڭ پادىشاھلىرى، سوۋغا تەقدىم قىلىشار شىبا ۋە سىبانىڭ شاھلىرى. بارلىق پادىشاھلار ئۇنىڭغا باش ئېگەر، خىزمىتىدە بولار بارچە خەلقلەر. ئۇ قۇتقۇزار نالە قىلغانلارنى، باشپاناھسىز ئاجىزلارنى، مەدەتكارى يوق يوقسۇللارنى. ئىچ ئاغرىتار ئۇ ئاجىز، يوقسۇللارغا، پاناھ بولار ئۇ غېرىب پاناھسىزلارغا. ئۇ خالاس قىلار زۇلۇم ۋە زوراۋانلىقتىن ئۇلارنى، ئۇنىڭ نەزىرىدە قىممەتتۇر ئۇلارنىڭ جېنى. ياشىسۇن پادىشاھ! ئۇنىڭغا شىبانىڭ ئالتۇنلىرى سوۋغا بولغاي، دائىم دۇئالار قىلىنىپ، كۈنبويى بەخت تىلەنگەي. ئېتىزلاردا زىرائەتلەر مول بولغاي، ئېدىرلاردا ھەتتا باشاق ئوخشىغاي. ھوسۇللار لىۋان تاغلىرىدىكى ئورمانلاردەك زىيادە بولغاي، شەھەر ئاھالىلىرى يايلاقتىكى چۆپتەك روناق تاپقاي. نامى ئۇنىڭ مەڭگۈ ئۆچمىگەي، ھەر چاغ قۇياش كەبى پارلىغاي، بەخت تاپقاي بارلىق قوۋملار ئۇنىڭدىن، ھەممە خەلقلەر ئۇنى بەختلىك دەپ ئاتىغاي. تەرىپلەنگەي ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار، بارچە مۆجىزە ۋە كارامەتلەر ئىگىسى پەقەت ئۇدۇر. مەڭگۈگە تەرىپلەنگەي ئۇنىڭ نام-شەرىپى، پۈتكۈل يەر يۈزىنى قاپلىغاي شان-شەرىپى. ئامىن، ئامىن! (شۇنىڭ بىلەن يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ دۇئالىرى تامام بولدى.) بەرھەق! مېھرىباندۇر خۇدا ئىسرائىللارغا، مېھرىباندۇر خۇدا قەلبى پاكلارغا. تاكى ئۆلگۈچە ياشايدۇ غۇربەتسىز ئۇلار، تېنى سالامەت، بەدىنى مەزمۇت بولار. ئۇلار باشقىلاردەك دەرد تارتماس، ھەم بالايىئاپەتكە قالماس. كىبىرلىك بوينىدىكى مارجىنىدۇر، زوراۋانلىق ئورۇنۇۋالغان تونلىرىدۇر. كۆزلىرى سېمىزلىكتىن تومپىيىپ چىققان، قەلبىگە ئەخمىقانە نىيەتلىرى تولۇپ تاشقان. مەسخىرە قىلار، زەھەردەك تىللىرى بىلەن سۆزلەيدۇ ئۇلار. مەغرۇرلىنىپ، «زۇلۇم سالىمىز سىلەرگە» دەپ تەھدىت سالار. ئەرشكە قارشىدۇر ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرى، قۇرۇق سۆزلەر ھەممە يەردە تىللىرى. شۇڭا خەلق ئۇلارغا بەك يۈزلىنەر، سۇدەك ئىچىپ سۆزلىرىنى يامانلىققا كىرىشەر. دەر رەزىللەر: «ئۇلۇغ خۇدا ھەممىنى بىلەرمۇ؟ بىلسە ئۇ قانداق بىلەر؟» يامانلار مانا شۇنداق رەزىل بولار، ئۇلار دائىم راھەتتە، بايلىق توپلار. قەلبىمنى پاك تۇتقىنىم بىھۇدىمۇ؟ گۇناھسىز ياشاش ھاياتتا بىكارمىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن كۈنبويى ئازابتىمەن، نېمە ئۈچۈن ھەر سەھەردە جازادىمەن. ئەگەر مەن شۇنداق ئويدا بولسام ئىدىم، خەلقىڭگە ئاسىيلىق قىلغان بولار ئىدىم. مەن بۇلارنى چۈشىنىشكە تىرىشقاندا بۇلار شۇنچە ئېغىر بىلىندى ماڭا. خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىرشىمگە چۈشەندىم، نېمىلەرنىڭ بارلىقىنى ئۇلارنىڭ تەقدىرىدە. ئى خۇدا، دەرۋەقە، تېيىلغاق يەرلەرگە قويىسەن ئۇلارنى، تېيىلىپ پارە-پارە بولار ئۇلار ئاخىرى. ۋەھىمە ئىچىدە يوقىلار ئۇلار، ھەم بىر دەقىقىدىلا پارچە-پارچە بولار. ئۇلارنىڭ ھاياتى چۈشكە ئوخشار، ئويغانسىلا ھەممىسى يوقىلار. ئۇلارنى كۆزگە ئىلمايسەن ئەسلا، ئى رەببىم ئورنۇڭدىن قوزغالغاندا. ئىچىم ئېچىشار، يۈرىكىم سانجىلىپ ئاغرار. چۈنكى مەن ھاماقەت، نادان ئىكەنمەن، ئالدىڭدا گويا ئاڭسىز ھايۋان ئىكەنمەن. ئەمما مەن ھەمىشە سېغىنىمەن سېنى، ئى خۇدا ئوڭ قولۇمدىن تۇتتۇڭ مېنى. بىلىمەن، نەسىھەتىڭ مېنى يېتەكلەر، ئاخىرى شان-شەرەپمۇ قولۇمغا كېلەر. سەندىن باشقا مەدەتكارىم يوقتۇر ئەرشتە، سەندىن باشقىنى ئىستىمەسمەن ھەم يەر يۈزىدە. تېنىم، قەلبىم زەئىپلەشسە ئەگەردە، قۇۋۋىتىدۇر خۇدا قەلب، تېنىمنىڭ، مەڭگۈلۈككە نېسىۋەمدۇر ئۇ مېنىڭ. شۈبھىسىزكى، ھالاك بولار سەندىن يىراق تۇرغانلار، يوق قىلىسەن ئۇلارنى، يوقىلىدۇ ساڭا ۋاپاسىز بولغانلار. شۇڭا دەيمەن ئەۋزەلدۇر يېقىن تۇرۇش خۇداغا، پاناھ قىلدىم ھەر زامان پەرۋەردىگارنى ئۆزۈمگە، بايان قىلىپ خۇدانىڭ قۇدرىتىنى ھەممىگە. تەرك ئەتتىڭ بىزنى نېچۈن ئى خۇدا، بىزنى شۇنداق مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالامسەن؟ سېنىڭ ئىلكىڭدىكى بىزدەك قويلىرىڭغا نېچۈن غەزەپ ئوتلىرىڭنى چاچىسەن؟ بەدەل تۆلەپ ئازاد قىلغان قوۋمىڭنى ئەسكە ئالغىن، مۈلكۈم بولسۇن دەپ قۇتقۇزغان قەبىلەڭنى ئەسكە ئالغىن، ئۆزۈڭ ماكان قىلغان سىئون تېغىنى ئەسكە ئالغىن. كېلىپ كۆرگىن خاراب بولغان مۇقەددەس جايىڭنى، دۈشمەنلەر ئۇرۇپ-چېقىپ ۋەيران قىلغان ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنى. رەقىبلىرىڭ داۋراڭ سېلىشتى مۇقەددەس جايىڭدا، غەلىبىسىگە تەنتەنە قىلىشتى تۇغلىرىنى قاداپ ئۇندا. ئۆزلىرىنى كۆز-كۆز قىلىشتى بۇ ھۇجۇمچىلاردەك، پالتىلىرىنى ئوينىتىشتى خۇددى ئورمان كەسكۈچىدەك. ئاندىن ئۇلار مۇقەددەس جايىڭغا كىردى، پالتا ۋە بولقا بىلەن نەقىشلەرنى چېقىشتى. ئى خۇدا، ئۇلار مۇقەددەس جايىڭغا ئوت قويۇشتى، ساڭا ئىبادەت قىلىدىغان جاينى دەپسەندە قىلىشتى. كۆڭۈللىرىدە ئويلاپ ئۇلار «بويسۇندۇرايلى بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى»، كۆيدۈرۈۋەتتى خۇدانىڭ زېمىندىكى مۇقەددەس جايلىرىنى. كارامەتلىرىڭ غايىب بولدى ئارىمىزدىن، پەيغەمبەرمۇ كەتتى يىراق يېنىمىزدىن. قاچانغىچە داۋام قىلار بۇ ئىشلار-ھە، ھېچكىم بىلمەس بۇنى ئەگەر سوراپ باقساڭ ھەممىسىدىن. رەقىبلىرىڭ مەسخىرە قىلار سېنى خۇدا قاچانغىچە؟ ھاقارەتكە قالارمۇ نامىڭ سېنىڭ ئەبەدكىچە؟ نېمىشقا تارتىۋالدىڭ قولۇڭنى، ئېھ خۇدا ئوڭ قولۇڭنى؟ قولۇڭنى قوينىڭدىن ئېلىپ خۇدا يوقاتقايسەن ئۇلارنى! ئەزەلدىن بىزگە شاھ بولۇپ كەلگەنىدىڭ خۇدا، قازانغانتىڭ غەلىبىلەرنى بىز ئۈچۈن زېمىنىمىزدا. كۈچۈڭ بىلەن ئىككىگە بۆلگەنىدىڭ دېڭىز سۈيىنى، يارغانىدىڭ ئۇنىڭدىكى ئەجدىھالارنىڭ باشلىرىنى. چاققانىدىڭ دېڭىزدىكى لىۋياتاننىڭ باشلىرىنى، بەرگەنىدىڭ چۆلدىكى ھايۋانلارغا ئوزۇق قىلىپ گۆشلىرىنى. بۇلاق كۆزىنى ئېچىپ يەردىن ھاسىل قىلغانتىڭ ئېرىقلارنى، قۇرۇتقانتىڭ توختىماي ئېقىۋاتقان دەريالارنى. ياراتتىڭ سەن كۈن ۋە تۈن ھەر ئىككىلىسىنى، ئورۇنلاشتۇردۇڭ ئۆز ئورنىغا ئاي ۋە كۈننى. ئايرىدىڭ بارلىق چېگرا-پاسىللارنى، پەيدا قىلدىڭ ئۆزۈڭ ياز بىلەن قىشنى. ئېسىڭدە تۇتقايسەن ئى پەرۋەردىگار، دۈشمەنلىرىڭنىڭ مەسخىرە قىلغانلىرىنى. ئۇنتۇمىغايسەن ئى پەرۋەردىگار، ھاماقەت خەلقنىڭ كۆزگە ئىلمىغانلىرىنى. تۇتۇپ بەرمىگىن ۋەھشىي دۈشمەنگە پاناھسىز بەندىلىرىڭنى، مەڭگۈ ئۇنتۇمىغىن ئېزىلگەن مۆمىنلىرىڭنىڭ ھاياتىنى. بىز بىلەن تۈزگەن ئەھدەڭنى ئېسىڭگە ئالغىن خۇدا، زورلۇق ۋە زومبۇلۇقلار يامراپ كەتتى، زېمىندىكى قاراڭغۇلۇق قاپلىغان بۇلۇڭلاردا. ئېزىلگەنلەر يەرگە قاراپ قالمىسۇن، ئۇلار سېنىڭ نامىڭغا مەدھىيەلەر ئوقۇسۇن. ئارىمىزغا يېنىپ كېلىپ ئى خۇدا، نامىڭنى قوغدىغىنا قايتىدىن. ھاماقەت كىشىلەرنىڭ ھەر دائىم مەسخىرە قىلغانلىرىنى چىقارمىغىن يادىڭدىن. دۈشمىنىڭنىڭ چۇقانلىرى بولسۇن دائىم ئېسىڭدە، توختىمىدى ئۇلارنىڭ داۋراڭلىرى تېخىچە. ساڭا شۈكۈر ئېيتىمىز ئى خۇدا، شۈكۈر ئېيتىمىز، چۈنكى سەن يېقىنسەن بىزگە، بايان قىلىمىز كارامەتلىرىڭنى ھەمىشە. خۇدا ئېيتار: «مەن بېكىتكەن ۋاقىتتا، سورىقىمنى ئادالەتتە سورايمەن. تۇرسىمۇ گەر يەر-زېمىنلار تەۋرىنىپ، ئۆزۈمدۇرمەن قويغۇچىسى ئاڭا تۈۋرۈك ئورنىتىپ.» مەن دەيمەن ماختانچاققا: «ماختانما»، پاسىقلارغا: «مەغرۇرلىنىپ غادايما، ئۆز كۈچۈڭدىن كۆرەڭلەپ، تۇمشۇقۇڭنى ئۈشلاپ، پو ئاتما.» چۈنكى يۈكسىلىش كېلەر پەقەتلا خۇدادىن، كەلمەيدۇ، شەرق، غەرب ياكى جەنۇب، شىمالدىن. بەرھەق، پەرۋەردىگار بىردىنبىر سوتچىدۇر، ئۇ بىرىنى ئەزىز قىلىسا، بىرىنى خار قىلار. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قولىدا بىر قەدەھ بولار، ئۇنىڭغا ئاچچىق، كۆپۈكلۈك شاراب تولغان بولار. قاچانكى خۇدا ئۇنى تۆكسە زېمىنغا، پاسىقلار دۇغلىرىنى قوشۇپ ئىچىۋالار. ياقۇپلارنى تاللىغان خۇدا ھەققىدە مەن مەڭگۈ گۇۋاھلىق بېرىمەن، ھەم ئۇنىڭ نامىغا مۇناجاتلار ئېيتىمەن. خورىكى چوڭ ماختانچاقلارنىڭ خورىكىنى كېسىۋېتىمەن. بىراق ئادىل-ھەققانىيلارنى شان-شەرەپكە ئېرىشتۈرىمەن. خۇدا مەشھۇردۇر يەھۇدىيە خەلقىگە، نامى بۈيۈكتۇر ئىسرائىلىيە ئېلىدە. تۇرار جايى سىئوندىدۇر، مۇقەددەس چېدىرى سالېمدىدۇر. ئۇ شۇ يەردە سۇندۇردى دۈشمەننىڭ ئوتلۇق ئوقلىرىنى، چېقىپ تاشلىدى قالقان، قىلىچ ۋە بارلىق جەڭ قوراللىرىنى. ئى خۇدا، شەرىپىڭ پارلاق نۇرلار چاچار، ئوۋغا باي تاغلاردىنمۇ زور ھەيۋىتىڭ بار. دۈشمىنىڭنىڭ باتۇرلىرى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغاندا، قول كۆرتۈرەلمىدى ھەتتا بىرمۇ پالۋىنى، تامام مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەنىدى ھەممىسى. گۈركىرەشلىرىڭدىن ياقۇپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن ئى خۇدا، ئات ھەم جەڭ ھارۋىلىرى تۇرۇپ قالدى ئۇرۇش مەيدانىدا. قورقۇشقا تېگىشلىكتۇر پەقەت سەندىنلا، ئى خۇدا، كىممۇ ئۆزىنى تىك تۇتالار غەزىپىڭنىڭ ئالدىدا؟ خۇدا سېنىڭ غەزىپىڭ ئاشۇرار شۆھرىتىڭنى، كەمەر قىلىپ باغلىدىڭ بېلىڭگە قەھرىڭنى. ئادا قىلىڭلار قەسەم قىلغاننى پەرۋەردىگارىڭلارغا، سوۋغا كەلتۈرسۇن قوشنا ئەللەر قورقۇشقا لايىق خۇداغا. ئەمەلدارلار كىبرىنى خۇدا سۇندۇرار، قورقار ئۇنىڭدىن بارلىق پادىشاھلار. كۆتۈرىمەن خۇداغا پەريادىمنى، مۇقەررەر ئاڭلار ئۇ مېنىڭ زارىمنى. مۇشەققەتتە رەببىم ساڭا تەلپۈندىم، كېچىلىرى دۇئا قىلىپ ئۆتۈندىم، تەسەللىگە ئېرىشمىدى بۇ كۆڭلۈم. ئاھۇزار چەكتىم ئى خۇدا، سېنى سېغىنىپ، يوقىتار بولدۇم ئۆزۈمنى، سېنى ياد ئېيتىپ. سەن جاۋاب بەرمىگەچ ئۇيقۇسىزدۇر كۆزلىرىم، كۆڭۈل بىئاراملىقتا گەپكە كەلمەس تىللىرىم. ياد ئېتىمەن ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلەرنى، يىراق ئۆتمۈشتىكى گۈزەل چاغلارنى. ئۇ كېچىلەر، ئېيتقان مۇناجاتلىرىم بىلەن تولغانىدى، ئۇلارنى ئويلاپ، كۆڭلۈمدە شۇنداق سوئاللار پەيدا بولدى: رەببىم مېنى مەڭگۈگە تەرك ئېتەرمۇ؟ ئەمدى ماڭا رەھىم-شەپقەت قىلماسمۇ؟ ئۆچمەس مۇھەببىتى ئەمدى بىزگە ئۆچتىمۇ؟ ۋەدىلىرى مەڭگۈگە ئىناۋەتسىز بولدىمۇ؟ خۇدا شەپقەت قىلىشنى ياكى ئۇنتۇپ قالدىمۇ؟ رەھىمدىللىك ئورنىنى ياكى غەزەپ ئالدىمۇ؟ ئاندىن مەن دېدىم: «مېنى ئەڭ ئازابلايدىغىنى شۇكى، ئۇلۇغ خۇدا ئەمدى بېشىمىزنى سىلىمايدىغان بولدى.» ياد ئېتىمەن ئىگەم ياردەملىرىڭنى، قەدىمدىن بۇيانقى كارامەتلىرىڭنى. زاھىر بولار ئەجىرلىرىڭ خىيالىمدا، بىزلەر ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىڭ دىلىمدا. ئى خۇدا، سېنىڭ يولۇڭ مۇقەددەستۇر، ئۇلۇغلۇقىڭ ئالەمدە يېگانىدۇر. مۆجىزىلەر ئىگىسى بولغان خۇدادۇرسەن، قۇدرىتىڭنى ئىنسانىيەتكە كۆرسەتكەنسەن. قۇدرىتىڭدە قۇتقۇزدۇڭ ئۆز خەلقىڭنى، ياقۇپ بىلەن يۈسۈپنىڭ ئەۋلادىنى. ئى خۇدا، سۇلار سېنى كۆرگىنىدە تىترەپ سەندىن قورققانىدى. دېڭىز تېگى لەرزىگە كەلگەنىدى. قارا بۇلۇت كۆكسىدىن سۇلار تۆكۈپ، ئاسمانمۇ ھەم گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىتىپ، نۇر ئوقلىرىڭ چاقماق چېقىپ ئېتىلغانتى. قۇيۇندا گۈلدۈرماماڭ گۈلدۈرلىگەنىدى، چاقمىقىڭدىن جاھان نۇرغا چۆمۈلگەنىدى، ئالاقزادە بولۇپ يەرمۇ تەۋرىگەنىدى. سەن دېڭىزدىن يول ئاچقانىدىڭ، ئۇلۇغ سۇلاردىن ئۆتۈشكە ئىمكان قىلدىڭ، لېكىن ئەسلا كۆرۈنمەس ئىدى ئىزىڭ. يېتەكلىدىڭ قوۋمىڭنى قوي پادىسىدەك، مۇسا ۋە ھارۇننى قىلىپ سەن قويچىدەك. ئەي خەلقىم، قۇلاق سالغىن تەلىمىمگە، زېھنىڭنى بەر مېنىڭ ھەربىر سۆزلىرىمگە. ھېكمەت بىلەن ئاچاي مەن ئاغزىمنى، بايان ئەيلەپ سىلەرگە ئۆتمۈشتىكى ساۋاقلارنى. بىزگە ئېيتىپ قالدۇرغان بۇلارنى ئەجدادىمىز، ئاڭلىغان ۋە بىلگەنتۇق بۇلارنى ئۇلاردىن بىز. نەسلىمىزدىن يوشۇرمايمىز شۇڭا ئۇلارنى، بىز سۆزلەپ بېرىمىز ئەۋلادلارغا، خۇدانىڭ شەرەپلىك ئىشى ۋە قۇدرىتىنى، ھەم ئۇنىڭ كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىنى. پەرزلىرىنى چۈشۈردى ئۇ ياقۇپ نەسلىگە، قانۇنلىرىنى تۇرغۇزدى ئۇ ھەم ئىسرائىللارغا. «بالاڭلارغا ئۆگىتىڭلار بۇلارنى» دەپ، ئەمر قىلغانىدى ئۇ ئەجدادىمىزغا. ئەۋلادلىرىمىز بۇلارنى چوقۇم بىلگەي، ھەتتا تۇغۇلماقچى بولغان بالىلارمۇ، ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد بالىلىرىغا ئۆگەتكەي. يار-يۆلەك قىلغاي ئۇلار خۇدانى، رىئايە قىلىپ ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە، ئەجرىنى پۈكۈپ كۆڭۈللىرىگە. دورىمىسۇن ئۇلار ئەجدادلىرىنى _ ئۇلارنىڭ ئىتائەتسىز، جاھىللىقىنى. سەمىمىيەتسىزلىك بولمىسۇن دىللىرىدا، ساداقەتسىزلىك بولمىسۇن ئۇلاردا. ئوقيالىق بولسىمۇ ئەفرايىم نەسلى، جەڭدە ئارقىغا بۇرۇلۇپ قاچتى. ئۇلار خۇدانىڭ ئەھدىسىگە بويسۇنمىدى، ھەم ئۇنىڭ قانۇنى بويىچە ماڭمىدى. ئۇنتۇغاندۇر ئۇلار خۇدانىڭ ئىشلىرىنى، يەنە ئۇنىڭ كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىنى. مىسىردىكى زوئان دالالىرىدا، كۆرسىتىلگەنىدى مۆجىزە ئەجدادلىرىمىزغا. دېڭىزنى يېرىپ ئۇلارنى ئۆتكۈزگەنىدى، سۇنى قىيا كەبى تىك تۇرغۇزغانىدى. كۈندۈزى يېتەكلىسە ئۇلارنى بۇلۇت بىلەن، كېچىسى يول باشلىغانىدى ئوتنىڭ نۇرى بىلەن. ئۇ چۆلدە تاشنى يېرىپ سۇ چىقارغانىدى، سۈيىنى دېڭىز كەبى مول قىلغانىدى. تاشلاردىن ئېتىلىپ چىقىپ سۇلار، ئاققانىدى دەريا كەبى ئۇلار. ئەمما چۆلدە ئىسيان كۆتۈردى ئۇلۇغ خۇداغا، شۇنىڭ بىلەن پاتتى ئۇلار يەنە ئېغىر گۇناھقا. ئۇلار قەستەن سىناپ خۇدانى، نەپسى ئۈچۈن تەلەپ قىلدى تائامنى. دېگەنىدى ئۇلار ھاقارەت قىلىپ خۇداغا: «سالالامدۇ داستىخان مۇشۇ چۆل-دالاغا؟» دەرۋەقە، ئۇ ئۇرۇۋىدى تاشنى، سۇلار بۇلاقتەك ئېتىلىپ چىقتى. «ئەمدى ئۇ بىزگە نان بىلەن گۆشنى بېرەلەمدۇ؟» دېيىشتى. ئاڭلاپ بۇنى پەرۋەردىگار غەزەپلەندى، ياقۇپ نەسلىگە غەزەپ ئوتى چۈشتى، قەھرى ئۇنىڭ ئىسرائىل نەسلىگە تەگدى. ئىشەنمىدى ئۇلار خۇداغا، تايانمىدى ئۇنىڭ نىجاتلىقىغا. بىراق خۇدا ئەمر قىلىپ يەنە ئاسمانغا، بۇيرۇدى ئەرشنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىشقا. يېمەكلىكى ئۈچۈن كۆكتىن ياغدۇردى ماننا، دېمەك، ئەرش يېمەكلىكىنى بەردى ئۇلارغا. ئىنسانلار پەرىشتىلەرنىڭ نېنىنى يېدى، خۇدا ئاتا قىلغاچ بۇنى، ئۇلار تويدى. خۇدا كۆكتە ئۇچۇردى شەرق شامىلىنى، يېتەكلەپ كەلدى جەنۇب شامىلىنى. چاڭ-توزاندەك ياغدۇردى گۆشلەرنى ئۇلارغا _ قۇشلارنى قوندۇردى ساھىلدىكى قۇملار كەبى ئەتراپىغا. ئۇ ياغدۇردى بۇلارنى بارگاھلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا، چۈشۈردى چېدىرلىرىنىڭ ئەتراپىغا. ئۇلار يېدى خالىغانچە، تويدى قورساقلىرى، بولدى ئىجابەت ئۇلارنىڭ خۇدادىن تىلىگەنلىرى. لېكىن نەپسى ئۇلارنىڭ تېخى تويماي تۇرۇپلا، چايناۋاتقان گۆشلىرى ئېغىزلىرىدا تۇرغاندىلا، غەزىپى كېلىپ خۇدانىڭ ئۇلارغا، قىرىۋەتتى ئۇلارنىڭ ئەڭ جەسۇر پالۋانلىرىنى، ئىسرائىللارنىڭ ياراملىق ياش يىگىتلىرىنى. كۆردى شۇنچە كۆپ كۆرگۈلۈكنى، لېكىن توۋا قىلمىدى، كۆردى شۇنچە كۆپ مۆجىزىلەرنى، لېكىن ئاڭا ئىشەنمىدى. شۇڭا خۇدا ھاياتىنى ئۇلارنىڭ ئاخىرلاشتۇردى مەنىسىزلىك ئىچىدە، ئۆتتى يىللىرى دەككە-دۈككىدە. ئۆلۈم كەلگەندە ئۇلار ئەسكە ئالدى خۇدانى، توۋا قىلىپ ئىخلاس بىلەن ئىزدەشكە باشلىدى ئۇنى. ئويلىدى ئۇلار «قورام تاشتەك باشپاناھىمىز _ ئۇلۇغ خۇدا _ قۇتقۇزغۇچى، نىجاتكارىمىز.» لېكىن ئۇلارنىڭ ماختاشلىرى ئېغىزدا ئىدى، تىللىرىدا دېگەنلىرى يالغان ئىدى. خۇداغا سادىقلىق يوق ئىدى كۆڭۈللىرىدە، شۇڭا ئەمەل قىلمايتتى تۈزگەن ئەھدىسىگە. بىراق خۇدا يەنىلا رەھىمدىل بولغاچ، گۇناھلىرىنى كەچۈرۈپ، يوقاتمىدى ئۇلارنى، قايتا-قايتا بېسىۋالدى غەزىپىنى، ھەم تۆكمىدى قەھرىنىڭ ھەممىسىنى. ئەسلىدى ئۇ ئۇلارنىڭ ئىنسانلىقىنى، نەپەس كەبى كەتسە قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىنى. بىراق ئۇلار ئىسيان قىلغاچ چۆلدە تالاي قېتىم، ئازار يەپ دىلى خۇدانىڭ، بولدى كۆڭلى يېرىم. ئۇلار قايتىدىن يولدىن چىقىپ سىناپ خۇدانى، زېدە قىلدى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن مۇقەددەس خۇدانىڭ يۈرىكىنى. ئۇنتۇدى ئۇلار خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى، ئەستىن چىقىرىپ ياۋدىن قۇتۇلدۇرغان كۈنىنى. ئۇنتۇدى ئۇلار خۇدانىڭ مىسىردىكى مۆجىزىلىرىنى، زوئان تۈزلەڭلىكىدە كۆرسەتكەن كارامەتلىرىنى. قانغا ئايلاندۇرۇپ قويغاچ خۇدا دەرياسىنى ئۇلارنىڭ، ئىچمەك مۇمكىن بولمىدى سۇلىرىنى دەريانىڭ. نەشتەرلىك چىۋىن ئاپىتى پەيدا قىلدى ئۇلارغا، پاقىلارنى ئەۋەتتى زېمىنىنى خاراب قىلارغا. ئېتىزلىرى ئۇچرىدى چېكەتكىلەر ھۇجۇمىغا، ھوسۇللىرىنىڭ ھەممىسى يەم بولدى ئۇلارغا. ۋەيران بولدى مۆلدۈردە ئۈزۈمزارلىرى، ئۈششۈپ قالدى سوغۇقتا ئەنجۈرلىرى. مۆلدۈر تېگىپ ۋەيران بولدى قوي-كالىلىرى، كۆيۈپ كەتتى چاقماق سوقۇپ چارۋا-ماللىرى. قەھر-غەزەپ، كۈلپەت، نەپرەت ياغدى خۇدادىن، كەلدى بۇ بىر تۈركۈم بۇزغۇنچى پەرىشتىلەر ئەرشتىن. غەزىپى چەككە يېتىپ خۇدانىڭ، جېنىنى ئايىماق بولۇپ ئۇلارنىڭ، ۋابا كېسەل ئەۋەتتى ئۇلارغا. پەرۋەردىگار ئۆلتۈرۈۋەتتى مىسىردا بارلىق تۇنجى بالىلارنى، يەنى ھام چېدىرىنىڭ غۇرۇرى بولغان تۇنجى ئوغۇللارنى. ئۇ خەلقىنى پادا كەبى باشلاپ ماڭدى چوپان بولۇپ، چۆل-باياۋان، جەزىرىدە پادىسىغا قويچى بولۇپ. ئامان-ئېسەن قىلغاچ خۇدا ئۇلارنى، قورقۇنچتىن خالىي ماڭدى يولىنى، غەرق قىلدى دېڭىزغا دۈشمەنلىرىنى. خۇدا يېتەكلىدى ئۇلارنى مۇقەددەس زېمىنىغا، ئېلىپ كەلدى ئوڭ قولىدا ئېرىشكەن تېغىغا. خۇدا قوغلىۋېتىپ ئۇ يەردىن يات ئەللەرنى، ئىسرائىللارغا بۆلۈپ بەردى يەرلىرىنى. ئىسرائىل قەبىلىسىگە ئېلىپ بەردى ئۆيلىرىنى. ئەمما ئۇلار ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، سىناپ كۆردى ئۇلۇغ خۇدانى، تەرك ئەتتى ئۇنىڭ پەرزلىرىنى. ئەجدادلىرىدەك يولدىن تېيىپ ۋاپاسىزلىق قىلدى ئۇلار، ئىشەنچسىزلىكتە خۇددى ئېگىلىپ كەتكەن ياغا ئوخشار. ئېگىزلىكتە قۇرۇپ ئىبادەتگاھلار، ياساپ ئۇنىڭغا ھەرخىل بۇتلار، كەلتۈردى ئۇلار خۇدانىڭ ئاچچىقىنى، ئۆرتىدى خۇدانىڭ يۈرىكىنى. بۇنى كۆرۈپ غەزەپلەندى پەرۋەردىگار، رەت قىلىندى شۇ ھامان ئىسرائىللار. تەرك ئەتتى ئۇ يەنە شىلودىكى ماكانىنى، ئىنسانلار ئارىسىغا تىككەن چېدىرىنى. قۇدرىتىنى تاپشۇردى ئۇ ئەسىرلىككە، شۆھرىتىنى بەردى ھەم دۈشمەنلەرگە. تاشلاپ بەردى ئۆز قوۋمىنى قىلىچ ئاستىغا، چاچتى ھەم غەزىپىنى ئۇلار بېشىغا. ئوتتا كۆيدى ئۇلارنىڭ قىران يىگىتلىرى، ناخشا-كۈيسىز قالدى بەرنا قىزلىرى. يىقىلسىمۇ روھانىيلىرى تىغ ئالدىدا، تۇل قالغان ئاياللىرى تۇتالمىدى ھازا. بۇ چاغ ئىگەم ئۇيقۇدىن ئويغانغان ئادەم كەبى، شارابنىڭ كۈچى بىلەن روھلانغان باتۇر كەبى. مەغلۇپ قىلىپ چېكىندۈردى رەقىبلىرىنى، مەڭگۈگە رەسۋا قىلىپ ئۇلارنى. خۇدا رەت قىلىپ يۈسۈپ چېدىرىنى، تاللىماستىن ئەفرايىم قوۋمىنى، بەلكى تاللىدى يەھۇدا قوۋمىنى، يەنى ئۆزى سۆيگەن سىئون تېغىنى. قۇرۇلدى مۇقەددەس ئىبادەتگاھ ئاسمان-پەلەك، مەزمۇت ۋە ئەبەدىيدۇر ئاسمان-زېمىن يارالغاندەك. پەرۋەردىگار تاللاپ داۋۇتنى، چاقىرىۋالدى قوي قوتىنىدىن ئۇنى. يەنى بېقىشتىن ساغلىق قويلارنى، چاقىردى بېقىشقا ياقۇپ قوۋمىنى _ ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان ئىسرائىللارنى. باقتى داۋۇت ئۇلارنى كۆڭۈل قويۇپ، يېتەكلىدى شۇنداقلا ماھىر بولۇپ. ئى خۇدا، يات ئەللەر بېسىپ كىردى زېمىنىڭغا، ئۇلار بۇلغاپ مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭنى، خارابىگە ئايلاندۇردى يېرۇسالېمنى. ئاسماندىكى قۇشلارغا يەم قىلدى ئۇلار، قۇللىرىڭنىڭ جەسەتلىرىنى. تاشلاپ بەردى دالادىكى ھايۋانلارغا، مۆمىن بەندىلىرىڭنىڭ ئەتلىرىنى. يېرۇسالېمدا دەريا قىلىپ ئېقىتتى ئۇلار، خەلقىڭنىڭ قانلىرىنى. بىرەر تىرىك جاننىمۇ قالدۇرمىدى ھەتتا، كۆمگىلى جەسەتلىرىنى. ھاقارىتىگە قالدۇق قوشنا ئەللەرنىڭ، مەسخىرە نىشانى بولدۇق ئۇلارنىڭ. ئى پەرۋەردىگار، غەزىپىڭ قاچانغىچە، مەڭگۈگىمۇ؟! ئوت بولۇپ يانغان غەزىپىڭ بېسىلارمۇ؟ قەھرىڭنى چاچ سېنى تونۇمىغان ئەللەرگە، ۋە ساڭا ئېتىقاد قىلمىغان سەلتەنەتلەرگە. چۈنكى ئۇلار ۋەيران قىلدى ياقۇپنىڭ نەسلىنى، خانىۋەيران قىلىپ ئۇنىڭ ماكانىنى. بىزدىن ئالما سورىقىنى گۇناھ قىلسا ئەجدادىمىز، بىزگە تېزراق رەھىم قىلغىن، بەكمۇ ناچار چۈنكى بىزنىڭ ئەھۋالىمىز. ئى نىجاتكارىمىز پەرۋەردىگار، شۆھرىتى ئۈچۈن نامىڭنىڭ، بولغىن بىزگە مەدەتكار. كەچۈرگەيسەن گۇناھىمىزنى، نامىڭ ئۈچۈن قۇتقۇزغىن بىزنى. «قېنى ئۇلارنىڭ خۇداسى» دەپ، يات ئەللەر مازاق قىلسا بولامدۇ؟ قىرغىن قىلغان تۇرسا ئۇلار قۇللىرىڭنى، كۆرسەت بىزگە ئۇلارنى جازالىغانلىقىڭنى. ئەسىرلەرنىڭ ئاھ-زارلىرىنى ئاڭلىغايسەن، ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلارنى قۇدرىتىڭدە ساقلىغايسەن. ئى ئىگەم، ساڭا قىلغان ھاقارىتىنى قوشنا ئەللەرنىڭ، يەتتە ھەسسە ئاشۇرۇپ ئۆزىگە بەر ئۇلارنىڭ. بىز سېنىڭ ئۆز قوۋمىڭ، قوي پاداڭدۇرمىز، ساڭا مەڭگۈ ھەمدۇسانا-شۈكۈر ئېيتىمىز، مەدھىيەمىزنى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە داۋام ئېتىمىز. ئى ئىسرائىللارغا قويچى بولۇپ يول باشلىغۇچى، يۈسۈپ نەسلىنى قوي پادىسىدەك يېتەكلىگۈچى، كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تەختتە ئولتۇرغۇچى، ئۆتۈنەي، بىزگە قۇلاق سالغىن، شان-شەرەپلىك نۇرۇڭنى چاچقىن. ئەفرايىم، بىنيامىن ۋە ماناسسە قەبىلىلىرىمىزدە، كۆرسىتىپ قۇدرىتىڭنى، قۇتقۇزغىن بىزنى. قايتا گۈللەت بىزنى ئى خۇدا، كۆرسەتكىن بىزگە دىدارىڭنى، شۇندا تاپارمىز نىجاتلىقنى. ئى پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، غەزىپىڭدىن قوبۇل كۆرمەي دۇئايىمىزنى، قاچانغىچە رەت قىلارسەن بىزلەرنى؟ قايغۇ بەردىڭ نان ئورنىغا يېيىشكە، چېلەك-چېلەك ياشنى بەردىڭ ئىچىشكە. قىلدىڭ قوشنا ئەللەرگە بىزنى تالىشىش نىشانى، دۈشمەنلىرىمىز ئۆزئارا مەسخىرە قىلىشار بىزنى. ئى قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، قايتا گۈللەت بىزنى، كۆرسەتكىن بىزگە دىدارىڭنى، شۇندا تاپارمىز نىجاتلىقنى. مىسىردىن ئېلىپ كەلدىڭ بىر تۈپ ئۈزۈم كۆچىتى، يات ئەللەرنى قوغلاپ ئۆزۈڭ تىكتىڭ ئۇنى. زېمىن تەييار قىلىپ بەردىڭ ئۇ كۆچەتكە، يىلتىز تارتىپ كەڭ يېيىلدى زېمىنغا. تاغلار قالدى ئۇنىڭ سايىسى تېگىدە، كېدىر دەرەخلىرى قالدى شاخلىرى ئاستىدا. ئۇ ئۇزارتتى شاخلىرىنى تا دېڭىزغىچە، نوتىلىرىنى فىرات دەرياسىغىچە. نېچۈن بۇزۇپ ئۇنىڭ قاشاسىنى، يولدىن ئۆتكەنلەرگە بېرىسەن مېۋىسىنى؟ ئورماندىكى ياۋا توڭگۇز ئۇنى خاراب قىلماقتا، دالادىكى ھايۋاناتلار ئۇنىڭدىن ئوزۇقلانماقتا. ئى قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، قايتا كەلگىن يېنىمىزغا. سامادىن نەزەر سېلىپ ئۈزۈمزارلىققا، غەمخورلۇق قىلغىن ئۈزۈم تاللىرىغا. ئوڭ قولۇڭدا ئۆستۈرگەن يىلتىزغۇ بۇ، ئۇ ئۆزۈڭ ئۈچۈن چوڭ قىلغان ئوغلۇڭ ئىدىغۇ. مانا ئۇ كېسىۋېتىلدى، كۆيدۈرۈلدى ئوتتا، ھالاك بولماقتا غەزەپلىك بېقىشىڭدا. قانات ئاستىڭغا ئالغايسەن ئۆزۈڭ تاللىغاننى، ئامان قىلغايسەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئۆستۈرگەننى. بىزلەر ھەرگىز سەندىن ئايرىلمايمىز شۇندا، گۈللەتكىن بىزنى، ئىبادەت قىلىمىز ساڭا. ئى پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، قايتا گۈللەت بىزنى، كۆرسەتكىن بىزگە دىدارىڭنى، شۇندا تاپارمىز نىجاتلىقنى. كۈچ-قۇۋۋىتىمىز بولغان خۇداغا، شادلىقتا مەدھىيەلەر ئوقۇڭلار. ياقۇپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانى خۇش بولۇپ كۈي-ناخشىغا قېتىڭلار. چىلتار، داپ، مۇڭلۇق لىرانى ئېلىپ قولۇڭلارغا، مەدھىيە ناخشاڭلارنى تەڭكەش قىلىپ ئېيتىڭلار. يېڭى ئاي تۇغقاندا ۋە ئاي تولغاندا، بايرام قىلىپ بۇرغىلارنى چېلىڭلار. بۇ ئىسرائىللارغا چۈشكەن بىر پەرماندۇر، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدانىڭ ھۆكۈمىدۇر. قىستاڭچىلىقتا نىدا قىلساڭ، مەن سېنى قۇتۇلدۇردۇم. قارا بۇلۇتلار ئارىسىدىن ساڭا جاۋاب بەردىم، مىرىبادا ئاققان سۇ بويىدا سېنى سىنىدىم. تىڭشا خەلقىم، قۇلاق سال ئەي ئىسرائىللار! مەن سىلەرنى ئاگاھلاندۇراي: زېمىنىڭلاردا يات ئىلاھلارغا ئورۇن بەرمەڭلار، ھەم ئۇلارغا باش قويۇپ، سەجدە قىلماڭلار. سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگارىڭلار مەندۇرمەن. ئېغىزىڭلارنى ئاچساڭلار، بەرىكەتكە تولدۇرىمەن. بىراق خەلقىم سۆزۈمنى ئاڭلىمىدى، ئىسرائىل خەلقى ماڭا بويسۇنمىدى. شۇڭا مەن قويۇۋەتتىم ئۇلارنى ئۆز تەرسالىقىغا، مېڭىۋەردى دەسسەپ ئۇلار ئۆزى خالىغان يوللارغا. خەلقىم سۆزۈمگە قۇلاق سالسا ئىدى، ئىسرائىللار مەن باشلىغان يولدا ماڭسا ئىدى. دۈشمەنلىرىنى ئۇلارنىڭ تېزلا باش ئەگدۈرەر ئىدىم، رەقىبلىرىگە قۇدرىتىمنى بىلدۈرۈپ قۇيار ئىدىم. شۇندا، ماڭا ئۆچمەنلەر قورقۇپ بويسۇنار ئىدى، ئۇلار ھەمىشە شەرمەندىلىكتە قالار ئىدى. سىلەرنى بۇغداينىڭ ئەڭ ئېسىلىدا باقار ئىدىم، تاشتىن ھەسەل چىقىرىپ تەشنالىقىڭلارنى قاندۇرار ئىدىم.» خۇدا باش بولۇپ ئولتۇرۇپ ئەرشتىكى مەجلىستە، دەيدۇ مۇنداق ھۆكۈمدارلارغا: «ناھەق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر قاچانغىچە؟ رەزىللەرگە يان باسىسىلەر نە چاغقىچە؟ يېتىم-يېسىر، نامراتلارغا كۆرسىتىڭلار ئادالەتنى، ئاقلاڭلار ئېزىلگەنلەر ۋە ئاجىزلارنى. مىسكىن ۋە يوقسۇللارنى قۇتقۇزۇڭلار، رەزىللەردىن ئۇلارنى ئازاد قىلىڭلار. نادان ۋە بىلىمسىزدۇر ئۇلارنىڭ ھەممىسى، ماڭار ئۇلار زۇلمەت ئارا، تەۋرەر يەرنىڭ ئۇللىرى. دېگەنىدىم سىلەرگە: سىلەر ‹ئىلاھلار›، ھەممىڭلار ئۇلۇغ خۇدانىڭ ‹پەرزەنتىسىلەر›! لېكىن سىلەرمۇ باشقا بەندىلەردەك ئۆلىسىلەر، خۇددى بارلىق ھۆكۈمرانلاردەك تۈگەيسىلەر.» سوراق قىلغىن يەر يۈزىگە كېلىپ ئى خۇدا، چۈنكى پۈتكۈل خەلقلەر تەۋەدۇر ساڭا. ئۈن چىقارماي جىمىپ قالما ئى خۇدا، سۈكۈت قىلىپ يوقاپ كەتمە ئى خۇدا. چۈنكى ساڭا ئۆچ بولغانلار باش كۆتۈرۈپ چىقماقتا. ساڭا دۈشمەن بولغانلار شۇنچە داۋراڭ سالماقتا. ئۇلار قۇۋلۇق ئىشلىتىپ، سۇيىقەست قىلار خەلقىڭگە. قارشى پىلان تۈزۈشەر، سەن قەدىرلىگەنلەرگە. دەيدۇ ئۇلار: «يۈرۈڭلار، بارچە قوۋم قاتارىدىن يوق قىلايلى ئىسرائىللارنى، ئېلىنمىسۇن ئىككىنچى ئېغىزىمىزغا ئۇلارنىڭ نامى.» ئۇلار بىرگە مەسلىھەتلەر قىلىشماقتا، ساڭا قارشى ئىتتىپاقمۇ تۈزۈشمەكتە. مانا، ئىدوملۇقلار، ئىسمائىلنىڭ نەسىللىرى، موئابلىقلار ۋە ھاگرىلار، گىبال، ئاممون ۋە ئامالەك، فىلىستىيە ھەمدە تىر ئاھالىلىرى، ئاسسۇرىيەمۇ ئۇلارغا قوشۇلدى، ئۇلار لۇت ئوغۇللىرىغا يار-يۆلەك بولۇپ كەلگەنىدى. ئى خۇدا، سەن مىديانلىقلارغا قىشون دەرياسىدا سىسىرا ۋە يابىنغا قانداق تاقابىل تۇرغان بولساڭ، شۇنداق تاقابىل تۇرغىن ئۇلارغا. ئۇلار ئېندور يېزىسىدا قىرىلغانىدى، تەنلىرى تېزەك كەبى ئوغۇتقا ئايلانغانىدى. ھالاك قىلغايسەن ئۇلارنىڭ بەگلىرىنى ئورېب ۋە زىئېبتەك، ئەمىرلىرىنى زەباخ ھەم زالمۇننادەك. چۈنكى ئۇلار مۇنداق دېگەنىدى: «ئۆزىمىزنىڭ مۈلكى قىلىۋالايلى خۇدانىڭ چىمەن-يايلاقلىرىنى.» ئى ئىلاھىم، سەرسان قىلىۋەت ئۇلارنى بوراندا قالغان قامغاقتەك. سورۇۋەتكىن ئۇلارنى شامالدا قالغان ساماندەك. كۆيدۈرۈۋەتكىن ئۇلارنى _ ئوتقا ئوخشاش ئورمانلىققا تۇتاشقان، يالقۇن كەبى تاغ باغرىغا ياماشقان. قوغلىۋەتكىن ئۇلارنى بورىنىڭ بىلەن، ۋەھىمە سال ئۇلارغا قۇيۇنۇڭ بىلەن. چۈشۈرگىن نومۇستا يۈزىنى، ئى پەرۋەردىگار، تاكى ياردەم سورىغىچە سېنىڭدىن ئۇلار. قارا يۈز بولغاي ئۇلار نومۇستىن، رەسۋا بولۇپ يوقالغاي زېمىندىن. ئۇلار بىلسۇنكى، پەقەت پەرۋەردىگار پۈتكۈل جاھاندا ئەڭ بۈيۈك تۇرار. نەقەدەر ئەزىزدۇر ئۇچرىشىش جايىڭ، ئى پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار. سېغىنىپ شۇنچىلىك بولدۇم مەن تەشنا، ئى ئىگەم ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىغا. بولماقتا قەلبىم ۋە جىسمىم شۇنچە ئىنتىزار، ھاياتلىق بۇلىقى بولغان بىردىنبىر خۇداغا. ماڭا شاھ بولغان ئى قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، قۇربانلىق سۇپاڭنىڭ ئەتراپلىرىغا، ھەتتا قۇشقاچلار سالدى ئۇۋا، قارلىغاچمۇ جاي تاپتى بالىلىرىنى بېقىشقا. نەقەدەر بەختلىك ئىبادەتخاناڭدا بولغانلار، توختىماستىن ساڭا ھەمدۇسانا ئوقۇۋاتقانلار. نەقەدەر بەختلىك سەندىن كۈچ-قۇدرەت تاپقانلار، قەلبىدىن سىئوننى تاۋاپ قىلىشقا ئىنتىزار بولغانلار. يىغا-زار قاپلىغان قۇرغاق جىلغىدىن ئۆتكەندە ئۇلار، ئۇ يەرنى بۇلاقلىق ماكانغا ئايلاندۇرار، ئۇ يەر كۈز يامغۇرلىرى بىلەن بەرىكەتلىنەر. ماڭغانسېرى ئۇلار قۇۋۋەت ئۈستىگە قۇۋۋەت تاپار، سىئونغا يېتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا ھازىر بولار. ئى پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، قۇلاق سالغىن دۇئالىرىمغا. تىڭشىغىن ئىلتىجايىمنى، ئى ياقۇپنى تاللىغان خۇدا. ئىلاھىم، كۆڭۈل بۆلگىن قالقىنىمىز پادىشاھقا، نەزىرىڭنى بەر ئۆزۈڭ تاللىغىنىڭغا. بەرھەق، ئىبادەتخاناڭدا ئۆتكەن بىر كۈن، ئەۋزەلدۇر باشقا يەردە ئۆتكەن مىڭ كۈندىن. ئەلا بىلىمەن خۇدا ئۆيىنىڭ بوسۇغىسىدا تۇرۇشنى، رەزىللەرنىڭ راھەت-پاراغەتلىك ئۆيىدە ياشاشتىن. بىزگە قۇياش، قالقاندۇر پەرۋەردىگار ئىگىمىز، ئاتا قىلار ئۇ شان-شۆھرەت ۋە شاپائەت. دۇرۇس يولدا ماڭغانلاردىن، ئايىماس ياخشىلىقىنى تائەبەد. ئى پەرۋەردىگار _ قۇدرەتلىك سەردار، بەختلىكتۇر ساڭا تايانغانلار. نەزىرىڭ تەگكەن زېمىنغا ئىلتىپات ئەيلەپ ئى ئىگەم، قايتا گۈللەپ-ياشناتقانىدىڭ يۇرتىنى ياقۇپنىڭ. ئەپۇ قىلىپ قىلمىشىنى خەلقىڭنىڭ، كەچۈرگەنىدىڭ گۇناھلىرىنى ئۇلارنىڭ. ئاچچىقىڭنى يۇتۇۋېتىپ ئىچىڭگە، ئوتتەك يانغان قەھرىڭنى باسقانىدىڭ. بىزگە نىجاتلىق بېرىپ كەلگەن ئى خۇدا، بىزگە بولغان ئاچچىقىڭغا ھاي بېرىپ، ئالغىن بىزنى قايتىدىن ئۆز مېھرىڭنىڭ قوينىغا. بىزگە خۇدا ئەبەدىي غەزەپلىنىپ تۇرامسەن؟ غەزىپىڭنى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە سوزامسەن؟ شادلىنىشى ئۈچۈن سەندىن خەلقىڭنىڭ بىزنى قايتا گۈللەندۈرۈپ قويمامسەن؟ بىزگە بەرگىن مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى، ئاتا قىلغىن بىزگە ھەم نىجاتلىقىڭنى. قۇلاق سالاي خۇدانىڭ سۆزلىرىگە، خاتىرجەملىك، ئامانلىق بېرىدۇ ئىگەم ئۆز خەلقى ۋە تەقۋادارلىرىغا، ماڭمىسۇن دەپ خاتا يولدا ئۇلار يەنە. شۇنداق، ئىخلاسمەنلەرنى قۇتقۇزار خۇدا، زاھىر بولۇپ شان-شەرىپى زېمىنىمىزدا. خۇدانىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتى ۋە ساداقىتى ئېلىپ كېلەر ھەققانىيلىق ۋە ئامانلىقنى. ۋاپادارلىق زېمىندا مەۋجۇت بولار، ھەققانىيلىق ئەرشلەردىن باقار. پەرۋەردىگار بەرىكەت ئاتا قىلار، يەرلىرىمىز چوقۇم ھوسۇللۇق بولار. ھەققانىيلىق، ئەلچىسى بولۇپ خۇدانىڭ، كېلەر ئالدىدا يول ھازىرلاپ پەرۋەردىگارنىڭ. بىچارە ۋە موھتاجدۇرمەن، ئى رەببىم خۇدا، نىدايىمغا قۇلاق سېلىپ جاۋاب بەرگىن ماڭا. ساڭا سادىق بەندەڭنىڭ ساقلاپ قالغىن جېنىنى. قۇتقۇزۇۋالغىن، پەقەتلا ساڭا تايانغان قۇلۇڭنى. چۈنكى سەنلا بىردىنبىر مېنىڭ خۇدايىمسەن. ئى رەببىم، ئىلتىپات ئەيلىگىن ماڭا، قىلماقتىمەن كۈنبويى ئىلتىجا ساڭا. مەن پېقىر قۇلۇڭنىڭ كۆڭلىنى بىر شاد قىلغىنا، چۈنكى مەن سېغىنىپ دۇئا قىلىمەن ساڭا. ئى رەببىم، بەرھەق سەن مېھرىبان ۋە ئەپۇچان، مېھرىڭ چەكسىز، ئىلتىجا قىلغانلارغا ھەر قاچان. ئى پەرۋەردىگار، كۆڭۈل بۆلگىن مېنىڭ دۇئايىمغا، قۇلاق سالغىن شەپقەت سورىغان ئىلتىجايىمغا. سېغىنىمەن رەببىم سېنى كۈن چۈشكەندە بېشىمغا، چۈنكى سەن جاۋاب بېرىپ كەلدىڭ ماڭا دائىما. يېگانىسەن ئى رەببىم غەيرىي ئىلاھلار ئالدىدا، ئۇلۇغ ئىشنى قىلغۇچى پەقەت بىر ئۆزۈڭلا. سەن ياراتقان بارلىق قوۋملار كېلىپ ئالدىڭغا سەجدە قىلار ھەم نامىڭنى ئۇلۇغلار ئۇلار. ئاجايىپ ئۇلۇغ مۆجىزىلەر ئىگىسىسەن، بەرھەق، يالغۇز سەنلا خۇدادۇرسەن. پەرۋەردىگار، ئۆگەتكىن ماڭا يولۇڭنى، ئەگىشىپ ساڭا ھەق يولدا ياشاي. قاراتقىن ئۆزۈڭگىلا بۇ قەلبىمنى، چىن دىلىمدىن ساڭا ئىخلاس قىلاي. پۈتۈن قەلبىم بىلەن شۈكۈرلەر ئېيتىمەن ساڭا، ئۇلۇغلايمەن نامىڭنى مەڭگۈگە رەببىم خۇدا. چۈنكى قۇتقۇزدۇڭ جېنىمنى جەھەننەم دەرگاھىدىن، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ شۇنچە چەكسىز بولغاچ ماڭا. ئى خۇدا، ماڭا قارشى تۇرىدۇ مەنمەنچىلەر، جېنىمنى ئالماق ئۈچۈن ئىزدەر مېنى ۋەھشىيلەر. كۆزگە ئىلىپ قويماس سېنى قىلچە ئۇلار. لېكىن رەببىم رەھىمدىل، شەپقەتلىكسەن، ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيسەن، مېھىر-مۇھەببەت، ساداقەتتە چەكسىزسەن. ھالىمغا باق، ماڭا شەپقەت ئەيلىگىن، مەندەك قۇلۇڭغا كۈچ-مادار ئاتا قىلغىن، پېقىر قۇلۇڭنى مۇشەققەتتىن قۇتقۇزغىن. كۆرسەت ماڭا شەپقىتىڭنى، ياردەم بەرگىن ئى پەرۋەردىگار، تاپسۇن قەلبىم تەسەللى، بولسۇن شەرمەندە ماڭا ئۆچ بولغانلار. مۇقەددەس تاغلار ئارا خۇدا قۇرغان شەھەر تۇرار. پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەنىڭ بارلىق جايلىرىدىن سىئون شەھىرىنى ئەڭ ياخشى كۆرەر. ئەي خۇدانىڭ شەھىرى، شەرىپىڭگە پۈتۈلمەكتە ئۇلۇغ ئىشلار. راخابلىق ۋە بابىللىقلار باردۇر مېنى تونۇغانلار ئارىسىدا، فىلىستىيەلىك، تىرلىق ھەم ئېفىيوپىيەلىكمۇ شۇ قاتاردا. دەيمەن ئۇلار ھەققىدە: «بۇ ئادەملەر تۇغۇلغان سىئوندا.» سىئون توغرۇلۇق مۇنداق ئېيتىلار: «سىئوندا تۇغۇلغان ھەر مىللەتتىن بولغانلار»، ئۇلۇغ خۇدا ئۆزى سىئوننى پۇختا قىلار. يات قوۋمنى پۈتكىنىدە تىزىمغا پەرۋەردىگار: «بۇ كىشى سىئوندا تۇغۇلغان» دەپ يېزىپ قويار. ناخشىچى، ئۇسسۇلچىلار ناخشىنى مۇنداق ئېيتار: «ئەي سىئون، مېنىڭ ھايات مەنبەيىم سېنىڭدىدۇر.» ئى پەرۋەردىگار، نىجاتكارىم خۇدا، كېچە-كۈندۈز مەن ساڭا قىلدىم نىدا. قوبۇل قىلغىن دۇئايىمنى، ئاڭلىغىن نىدايىمنى. چۈنكى دەردلەر جېنىمغا پاتتى، ھاياتىممۇ ئۆلۈمگە يېقىنلاشتى. بىر پۇتۇم ساڭگىلىدى گۆر ئاغزىغا، كۈچ-مادار قالمىدى ھېچ تېنىمدا. ئۆلۈكلەردىن ھېچبىر پەرقسىزمەن، تېنىم لەھەتتىكى مۇردىدەكلا. ئۇنتۇلغانمەن ئۆلۈكلەردەك، مېھرىڭدىن مەھرۇممەن ئۇلاردەكلا. تاشلىۋەتتىڭ سەن مېنى چوڭقۇر ھاڭغا، تاشلىدىڭ ھەم زۇلمەت، قاراڭغۇلۇققا. يەلكەمنى باستى يۈك بولۇپ سېنىڭ قەھرىڭ، ماڭا قاتتىق زەربە بولدى ھايات دولقۇنلىرىڭ. يىراق قىلدىڭ مېنىڭدىن دوستلىرىمنى، يىرگەندۈردۈڭ مېنىڭدىن ھەم ئۇلارنى، قاماپ قويدۇڭ چىقالماس قىلىپ مېنى. ئى پەرۋەردىگار، كۆزلىرىم خىرەلەشتى ئازابتا، ھەر كۈنى قىلىمەن ساڭا نىدا، قوللىرىمنى كۆتۈرۈپ دۇئاغا. ئۆلۈكلەرگە كۆرسەتمەكچىمۇسەن كارامەتلىرىڭنى؟ مۇردىلار ئورنىدىن تۇرۇپ مەدھىيەلەرمۇ سېنى؟ قەبرىدە كىممۇ بايان قىلسۇن مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى؟ ئۆلۈكلەر ماكانىدا كىممۇ ماختىسۇن ساداقىتىڭنى؟ قاراڭغۇلۇقتا كىممۇ كۆرەلىسۇن كارامەتلىرىڭنى؟ «ئۇنتۇلغانلار زېمىنى»دا ياخشىلىقىڭنى؟ ئى پەرۋەردىگار، نالە قىلىمەن ساڭا، ھەر سەھەردە قىلىپ دۇئا. ئى پەرۋەردىگار، تاشلىۋەتتىڭ نېچۈن مېنى؟ نېچۈن مەندىن يوشۇرىسەن دىدارىڭنى؟ ئېزىلىپ تاس قالغانتىم ئۆلۈشكە ياش چېغىمدىن، قىينىلىپ پېتىپ قالدىم ئۈمىدسىزلىككە دەھشىتىڭدىن. قەھر-غەزىپىڭ باستى ئۈستۈمنى، ۋەھىمىلىرىڭ نابۇت قىلدى مېنى. كەلكۈن كەبى ئۇلار مېنى ئېلىۋالدى قوينىغا، چۈشۈپ قالدىم مەن ئۇلارنىڭ قورشاۋىغا. يىراق قىلىپ مېنىڭدىن ھەمراھلىرىم، دوستلىرىمنى، يار قىلدىڭ پەقەت ماڭا قاراڭغۇلۇقنى. پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى ئەبەدىي كۈيلەيمەن، ساداقىتىڭنى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە بايان ئەيلەيمەن. جاكارلايمەنكى مۇھەببىتىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرمەس، ساداقىتىڭ ئەرشئەلادەك مەزمۇت، تەۋرەنمەس. رەببىم، سەن دېدىڭكى: «تاللىۋالغان بەندەم بىلەن ئەھدە قىلدىم، قۇلۇم بولغان داۋۇتقا قەسەم قىلدىم. سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئەبەدىي خانىدانلىققا ئىگە قىلىمەن، نەسلىڭنىڭ تەختكە ۋارىسلىق قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىمەن.» ئى ئىگەم، ئەرشئەلادا مۆجىزىلىرىڭ تەبرىكلىنەر، ساداقىتىڭ پەرىشتىلەر ئارىسىدا مەدھىيەلىنەر. بۈيۈكلۈكتە ساڭا تەڭداش بىرى يوقتۇر، ئەرشئەلادا ھېچكىم ساڭا ئوخشىماستۇر. خۇدانىڭ ھەيۋىسىدىن پەرىشتىلەر تىترەپ تۇرار، ئەتراپىدا ھەممەيلەن قورقۇپ تۇرار. ئى خۇدا _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، ساڭا ئوخشاش قۇدرەت ئىگىسىدىن يەنە كىم بار؟ ئەتراپىڭنى ساداقەتلىك ئوراپ تۇرار. دېڭىز قانچە مەغرۇر بولسۇن سەن ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانسەن، ئۆركەشلىسە دولقۇن ياساپ ئۇنى بېسىپ تىنچلاندۇرىسەن. دېڭىزدىكى راخابنى سەن بەربات قىلدىڭ، قۇدرىتىڭدە دۈشمىنىڭنى بىتچىت قىلدىڭ. ئاسمان، زېمىن _ پۈتۈن جاھان سېنىڭكىدۇر، ئۇنىڭدىكى ھەممە نەرسە پەقەت سېنىڭ ئىجادىڭدۇر. ياراتقانسەن شىمال، جەنۇب ۋە ئۇلاردىكى ھەممىنى، شادلىقتا نامىڭنى كۈيلەر تابور، خەرمون چوققىلىرى. بىلىكىڭ قۇدرەتلىك، قولۇڭ كۈچلۈكتۇر، ئۈستۈن كۆتۈرۈلگەن ئوڭ قولۇڭ غالىبتۇر. تەختىڭنىڭ ئۇلى بولسا ھەققانىيلىق، ئادالەتتۇر، مۇھەببەت ۋە ساداقەتلىك ھۆكۈمرانلىقىڭنىڭ ھەمراھىدۇر. تەنتەنە، ئالقىشلارنى قىلغان خەلق بەختلىك ھېسابلىنار، ياشار ئۇلار ھۇزۇرۇڭنىڭ نۇرىدا ئى پەرۋەردىگار. نامىڭ بىلەن ئۇلار دائىم شاد بولار، ئادالىتىڭدىن سۆيۈنۈپ تەنتەنە قىلار. ئۇلارنىڭ كۈچ-قۇۋۋەت، شان-شەرىپى سەندىن كېلەر، شاپائىتىڭ بولغاچ ئۇلار دائىم غەلىبە قىلار. بەرھەق، بىزنىڭ پادىشاھىمىز مەنسۇپتۇر پەرۋەردىگارغا، تەۋەدۇر ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغا. بىر ۋەھىيىڭدە مۇنداق دېگەنىدىڭ سادىق ئۆز بەندەڭگە: «مەن بىر ئەزىمەتكە ياردىمىمنى يەتكۈزدۈم، ئەل ئارىسىدىن ئۇنى تاللاپ، كۆتۈردۈم. دېمەك، قۇلۇم داۋۇتنى تاپتىم، مۇقەددەس مېيىمنى سۈركەپ بېشىغا، ئۇنى سىلەرگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدىم. قولۇم ئۇنىڭغا يۆلەك بولار، بىلىكىم ئۇنى كۈچكە تولدۇرار. دۈشمەنلىرى ئۇنى پەقەت يېڭەلمەس، پەسكەشلەرمۇ ئۇنى قىستاپ ئېزەلمەس. رەقىبلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىدا ۋەيران قىلىمەن، ئۆچمەنلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىمەن. ساداقىتىم، مۇھەببىتىم ئۇنىڭغا يار بولار، مېنىڭ نامىم بىلەن ئۇ زەپەر قۇچار. مەن ئۇنى ھۆكۈمرانلىق قىلغۇزارمەن دېڭىزغا، ھوقۇقىنى يۈرگۈزەرمەن ھەم دەريالارغا. ئۇ ماڭا نىدا قىلىپ دېدىكى: ‹سەن مېنىڭ ئاتام، خۇدايىمدۇرسەن، نىجاتكارىم، قورام تېشىمدۇرسەن.› مەن ئۇنى مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇم قىلىمەن، دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ پادىشاھ قىلىپ تىكلەيمەن. مۇھەببىتىم ئۇنىڭغا ئەبەدىيدۇر، قىلغان ئەھدەم مەڭگۈگە بۇزۇلماستۇر. ئەۋلادلىرىنى ئەبەدىي خانىدانلىققا ئىگە قىلىمەن، تەختىنى ئۇنىڭ ئاسمان كەبى داۋام قىلدۇرىمەن. مۇبادا ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى تەلىملىرىمدىن چىقىپ كەتسە، ھۆكۈملىرىم بويىچە ئىش كۆرمىسە. ئۇلار پەرمانلىرىمنى بۇزسا، ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلمىسا، ئۇندا مەن ئىتائەتسىزلىكلىرىنى تاياق بىلەن، گۇناھلىرىنى يارا-جاراھەت بىلەن جازالايمەن. لېكىن مۇھەببىتىمنى داۋۇتتىن ئۈزمەيمەن، ياكى ۋەدەمگە خىيانەت قىلمايمەن. تۈزگەن ئەھدەمنى ئەسلا بۇزمايمەن، ۋەدەمدىن پەقەت قايتمايمەن. مەن مۇقەددەس نامىمدا قەسەم ئىچكەنمەن، داۋۇتقا ئېيتقان سۆزۈمدىن يانمايمەن. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئەبەدىي داۋاملىشار، ئۇنىڭ تەختى قۇياش كەبى پارلاپ تۇرار. ئۇ ئاسماندىكى سادىق گۇۋاھچى ئاي كەبى مۇستەھكەم، مەزمۇت تۇرار ئەبەدىي.» بىراق ھازىر سەن ئۇنى رەت قىلىپ تاشلىۋەتتىڭ، ئۆزۈڭ تاللاپ بېكىتكەن پادىشاھقا غەزەپلەندىڭ. ئىنكار قىلدىڭ قۇلۇڭ بىلەن تۈزگەن ئەھدىنى، تاشلىۋەتتىڭ ئۇنىڭ تاج-تەخت _ ھوقۇقىنى. ۋەيران قىلدىڭ ئۇنىڭ بارلىق قورغانلىرىنى، خارابە قىلدىڭ شەھەر-قەلئەلىرىنى. يولدىن ئۆتۈۋاتقانلار بۇلىماقتا شەھىرىنى، ئۇ قوشنا ئەللەر ئالدىدا رەسۋا بولدى. غەلىبە قىلدۇردۇڭ ئۇنىڭ رەقىبلىرىنى، خۇشال قىلدىڭ پۈتكۈل دۈشمەنلىرىنى. قايتۇردۇڭ ئۇنىڭ قىلىچىنىڭ بىسىنى، جەڭلەردە مەغلۇپ قىلدىڭ ئۇنى. يەرگە ئۇردۇڭ ئۇنىڭ ھەيۋىتىنى، كۈلدەك توزۇتتۇڭ تەختىنى. خىجالەتكە چۆمدۈرۈپ قىسقارتتىڭ ياشلىقىنى. ئى پەرۋەردىگار، قاچانغىچە ئۆزۈڭنى مەندىن قاچۇرىسەن؟ قەھر-غەزەپ ئوتۇڭنى قاچانغىچە كۆيدۈرىسەن؟ ئەستە تۇتقىن ئى خۇدا، ئۆمرۈمنىڭ قىسقىلىقىنى، نېمىدېگەن بىھۇدىلىكتۇر ئىنساننىڭ ھاياتى. قايسى ئىنسان ياشاپ ئۆلۈم كۆرمەيدىكەن؟ گۆردىن ئۆز جېنىنى ئامان ساقلاپ قالىدىكەن؟ ئى رەببىم، ساداقەتتە داۋۇتقا قىلغان ۋەدىلىرىڭ نەلەردە قالدى؟ بۇرۇن كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىڭ قەيەردە قالدى؟ قۇلۇڭ ئۇچراۋاتقان مەسخىرىلەرنى ئەسكە ئالغايسەن، بارچە ئەلنىڭ ماڭا قىلغان ھاقارەتلىرىنى كۆرگەيسەن! رەقىبلىرىڭ مېنى دائىم مەسخىرە قىلار، ئۆزۈڭ تاللىغان پادىشاھنى خار قىلار. پەرۋەردىگارغا مەڭگۈ ھەمدۇسانالار بولغاي! ئامىن، ئامىن! ئى رەببىم، پاناھ بولۇپ كەلدىڭ بىزگە، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە. تاغلار بەرپا قىلىنماستىنلا، زېمىن ۋە ئالەم يارىتىلماستىنلا، ئۆزۈڭ خۇدا ئىدىڭ ئەزەلدىنلا، مەڭگۈگە خۇدادۇرسەن يەنىلا. دېسەڭ ئەگەر «ئەي ئىنسانلار، تۇپراققا قايتىڭلار»، ئىنسان شۇئان تۇپراققا ئايلىنار. بەرھەق، سەن ئۈچۈن مىڭ يىل گويا تۈنۈگۈن ئۆتكەن بىر كۈندەكلا، ياكى كېچىدىكى بىرنەچچە سائەتتەكلا. ئىنساننى ئېلىپ كېتىسەن كەلكۈندەك، ئۇنىڭ ئۆمرى تۈگەر گوياكى چۈشتەك، تاڭ سەھەردە ئۈنۈپ چىققان مايسىدەك. مايسىلار ئۈنۈپ چىقار سەھەردە، سولىشىپ كېتەر ئاخشامغىچە. شۈبھىسىزكى، بىز ھالاك بولىمىز غەزىپىڭدىن، ۋەھىمىگە چۈشىمىز قەھرىڭدىن. ئاشكارا قىلىسەن يامانلىقىمىزنى ئالدىڭدا، پىنھان گۇناھلىرىمىزنى جامالىڭنىڭ نۇرىدا. كۈنلىرىمىز غەزەپ-نەپرەتتە ئۆتەر، يىللىرىمىز ئۇھ تارتىپ ئازابتا كېتەر. ئۆمرىمىز يەتمىش يىلچە بولار، سەكسەنگە ئۇلىشار ماغدۇرى بارلار. ئەمما ئەڭ ياخشى چاغلىرىمىزمۇ جاپا ۋە قايغۇدا ئۆتەر، كۈنلىرىمىز كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە تۈگەر، ھاياتىمىز ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كېتەر. غەزىپىڭنىڭ قۇدرىتىنى كىم ئويلاپ يېتەر؟ قەھرىڭگە لايىق كىم سەندىن ئەيمىنەر؟ ئۆمۈر قىسقا، قەدىرلەشنى ئۆگەتكىن بىزگە، شۇ ئۆمۈرنىڭ ساۋاقلىرى ئورنىسۇن قەلبىمىزگە. ئى ئىگەم ئۆتۈنەي مەن، قايتىپ كەلگىن ئارىمىزغا، قاچانغىچە ياشايمىزكى موھتاج بولۇپ شەپقىتىڭگە؟ رەھىم ئەيلە سېنى سۆيگەن بەندىلىرىڭگە! ھەر سەھەردە قاندۇرساڭ گەر بىزنى چىن مۇھەببىتىڭگە، ھەر كۈن ئالقىش ياڭراتقايمىز سېنىڭ قۇتلۇق شەنىڭگە. بىزگە قانچە ئۇزۇن ئازاب سالغان بولساڭ، بىزنى قانداق كۈلپەتلەرگە قويغان بولساڭ، ئەمدى شۇنچە كۈلكە، شادلىق بەرگىن بىزگە. سادىق بەندىلىرىڭ كۆرسۇن نىجاتلىقىڭنى، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى شان-شۆھرىتىڭنى. ئى رەببىمىز، مېھرىڭ بىزگە يار بولسۇن، مەدەت قىلغىن، ئىشلىرىمىز ئوڭ بولسۇن، قوللىرىمىز بەرىكىتىڭگە لىق تولسۇن. كىمكى ماكان تۇتسا ئۇلۇغ خۇدانىڭ پاناھىدا، ياشار ئۇ ھەممىگە قادىر خۇدا سايىسىدا. ئېيتارمەن پەرۋەردىگارغا: «باشپاناھىم، قورغىنىمسەن، ئىشەنچىمنى باغلىغان خۇدايىمسەن.» بەرھەق، خۇدا قۇتقۇزار سېنى قىلتاقچىنىڭ قىلتاقلىرىدىن، قىرغىن قىلغۇچى ۋابادىن. بۈركۈت كەبى ئۇ قاناتلىرى ئاستىغا ئالار سېنى، سەن ئۈچۈن پاناھ بولار ئۇنىڭ قاناتلىرى، قالقان ۋە ئىستىھكامىڭ بولار ساداقىتى. قورقماسسەن نە كېچىنىڭ ۋەھىمىسىدىن، نە كۈندۈزى ئېتىلغان ئوقتىن. نە قاراڭغۇدا بىلدۈرمەي تارقالغان ۋابادىن، نە يورۇقتا كەلگەن ئەجەللىك ئاپەتتىن. گەرچە مىڭلىغان كىشىلەر يىقىلسىمۇ بۇ يېنىڭدا، تۈمەنلىگەن جەسەتلەر ياتسىمۇ ئۇ يېنىڭدا، بالا-قازالار ھېچ يېقىنلاشماس ساڭا. كۆرىسەن پەقەت ئۆز كۆزۈڭ بىلەن بۇ ئىشلارنى، پاسىقلارنىڭ قانداق جازالانغىنىنى. پەرۋەردىگارنى پاناھ قىلغىنىڭ ئۈچۈن، ئۇلۇغ خۇدانى قورغىنىم دەپ بىلگىنىڭ ئۈچۈن، ھېچبىر يامانلىق كەلمەس بېشىڭغا، ھېچ ۋابا يېقىنلاشماس چېدىرىڭغا. پەرۋەردىگار ئەمر بېرەر سەن ئۈچۈن پەرىشتىلىرىگە، ئۇلار قوغدار سېنى ھەممە يوللىرىڭدا. يۈرەر پەرىشتىلەر سېنى كۆتۈرۈپ قوللىرىدا، ئۇرۇلۇپ كەتمىسۇن دەپ پۇتلىرىڭ بىرەر تاشقا. بېسىپ دەسسەيسەن يىلان ۋە شىرنى، چەيلەيسەن زەھەرلىك يىلان ۋە ئارسلاننى. دەيدۇكى پەرۋەردىگار: «مېنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى قۇتقۇزىمەن. مېنى تونۇغانلىقى ئۈچۈن قوغدايمەن. جاۋاب بېرىمەن ئىلتىجا قىلغىنىدا، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىمەن ئېغىر كۈنلىرىدە، قۇتقۇزۇپ ئۇنى، سازاۋەر قىلىمەن شۆھرەتكە. ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلىپ، مەمنۇن قىلىمەن ئۇنى، بېرىمەن ئۇنىڭغا نىجاتلىقىمنى.» ئى پەرۋەردىگار، نەقەدەر بەختتۇر ساڭا شۈكۈر ئېيتىش، ئى ئۇلۇغ خۇدا، نەقەدەر بەختتۇر نامىڭنى ناخشىغا قېتىش. بايان ئەيلەپ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى سەھەردە، ساداقىتىڭنى تەرىپلەش ھەربىر كېچىدە _ ئون تارلىق ساز ۋە چىلتارنىڭ ناۋاسىدا، لىرانىڭ يېقىملىق مۇڭلىرىدا. چۈنكى مېنى شادلاندۇردۇڭ كارامەتلىرىڭدە ئى خۇدا، ماڭا قىلغان ئەجرىڭدىن ناخشا ئېيتارمەن خۇشاللىقتا. ئى پەرۋەردىگار، نەقەدەر بۈيۈك سېنىڭ مۆجىزىلىرىڭ. شۇنچىلىك يۈكسەك، نىيەت، مەقسەتلىرىڭ. تۆۋەندىكى ھەقىقەتنى بىلمەس نادان ئادەملەر، چۈشەنمەيدۇ ئۇنى يەنە ھاماقەت ۋە ئەخمەقلەر. گەرچە ئوت-چۆپ ئۆسكەندەك تېز ئۆسسىمۇ رەزىللەر، شۇنچە گۈللەپ ياشنىسىمۇ ھەمدە بارلىق پەسكەشلەر، لېكىن مەڭگۈلۈك ھالاكەتكە دۇچاردۇر ئۇلار. ھەممىگە مەڭگۈ قادىردۇرسەن، ئى پەرۋەردىگار. مانا قارا، دۈشمەنلىرىڭ مۇقەررەركى ھالاك بولار، تىرىپىرەن بولىدۇ ھەم يامانلىق قىلغۇچىلار. لېكىن ياۋا بۇقىدەك كۈچلەندۈردۈڭ سەن مېنى، ھەم بېشىمغا سۈركىدىڭ روھلاندۇرغۇچ مېيىنى. كۆردۈم دۈشمەنلىرىمنىڭ مەغلۇبىيىتىنى، ئاڭلىدىم رەزىل رەقىبلىرىمنىڭ يىغا-زارىنى. خۇددى خورما دەرىخىدەك گۈللەپ ياشنار ھەققانىيلار، ھەم يەنە لىۋاندىكى كېدىر دەرىخىدەك ئاينىپ ئۆسەر. تىكىلگەندۇر ئۇلار پەرۋەردىگار ھۇزۇرىغا، گۈللەپ ياشنار ئىگىمىزنىڭ ھويلا-ئاراملىرىدا. قېرىسىمۇ ئۇلار يەنە بېرىدۇ مېۋە، بۈك-باراقسان كۆكىرىپ تۇرار ھەمىشە. شۇڭا ئۇلار دەيدۇكى: «پەرۋەردىگار ئادىلدۇر، ئادالەتلىك ئۇ دائىم، قورام تاشتەك پاناھىمىز خۇدادۇر.» ھۆكۈمراندۇر پەرۋەردىگار، ھەيۋەت ئۇنىڭ يېپىنچىسى، ئورالغاندۇر ئۇلۇغۋارلىق، قۇدرەت ئۇنىڭ بەل پوتىسى. مەزمۇت قىلىنغان دۇنيا، تەۋرەنمەس ئۇ ئەسلا. مۇستەھكەمدۇر تەختىڭ ئەزەلدىن، مەۋجۇتسەن ئۆزۈڭ ئەلمىساقتىن. ئى پەرۋەردىگار، شارقىرىماقتا دېڭىز سۇلىرى، ياڭرىماقتا شاۋقۇنلىرى، گۈلدۈرلىمەكتە دولقۇنلىرى. دېڭىزلارنىڭ گۈلدۈرلەشلىرىدىن، دولقۇنلارنىڭ يۇلقۇنۇشلىرىدىن، قۇدرەتلىكتۇر ئەرشتىكى پەرۋەردىگار. ئى پەرۋەردىگار، ئۆزگەرمەستۇر پەرزلىرىڭ، ئۆيۈڭگە زىننەتتۇر مەڭگۈلۈك مۇقەددەسلىكىڭ. ئى جازالىغۇچى پەرۋەردىگار، ئى خۇدا، ئى جازالىغۇچى پەرۋەردىگار، چاچقىن جۇلا. ئى جاھان سوراقچىسى، چىقىپ ئوتتۇرىغا، لايىقىدا جازا بەرگىن تەكەببۇرلارغا. ئى پەرۋەردىگار، رەزىللەر قاچانغىچە ماختىنار، قاچانغىچە بېشىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشەر ئۇلار؟ ۋالاقشىيدۇ تەكەببۇرلۇق بىلەن ئۇلار، پو ئاتىدۇ ئۇ يامانلىق قىلغۇچىلار! سەن تاللىغان قوۋمىڭنى ئېزىپ ئۇلار، ساڭا تەۋە بولغانلارغا جەبىر سالار. قىرغىن قىلىپ تۇل خوتۇن، غېرىبلارنى، ئۆلتۈرىدۇ پاناھسىز يېتىملارنى. ئۇلار دەر: «كۆرمەيدۇ پەرۋەردىگار، ياقۇپنىڭ خۇداسى بىلمەيدۇ زىنھار.» ئەي ئەلنىڭ ھاماقەتلىرى، ئويلاپ بېقىڭلار! ئەي ئەخمەقلەر، قاچان بولار ئەقلىڭلار؟ ئاڭلىماسمۇ قۇلاقنى ياراتقۇچى؟! كۆرمەسمۇ كۆزنى ئاتا قىلغۇچى؟! يات ئەللەرنى جازالىغۇچى خۇدا جازالىماسمۇ سىلەرنى؟ ئىنسانغا ئەقىل ئۆگەتكۈچى تەربىيەلىمەسمۇ ئادەمنى؟ خۇدا بىلىدۇ ئىنساننىڭ ئوي-پىكرىنى، بىھۇدىدۇر خىياللارنىڭ ھەممىسى. بەختلىكتۇر سەن تەربىيەلىگەن كىشى، ئى پەرۋەردىگار، ئىنسان تەربىيەڭدىن، تەلىمىڭدىن بەخت تاپار! سەن ئۇلارنى ئامان قىلىسەن يامان كۈنلەردە، تاكى يامانلار ئورىغا چۈشۈپ ھالاك بولغۇچە. پەرۋەردىگار ئۆز قوۋمىنى تەرك ئەتمەس، ئۆزىگە مەنسۇپ بولغانلارنى تاشلاپ كەتمەس. ھۆكۈم-پەرمان ھوقۇقى قايتار ھامان ئادالەتكە، قەلبى پاكلار ھىمايە قىلار ئادالەتنىڭ كەينىدە. رەزىللەردىن قوغدايدۇ مېنى كىم چىقىپ ئوتتۇرىغا؟ كىم تۇرار مەن تەرەپتە قارشى ھالدا يامانلارغا؟ ئەگەر ياردەم بەرمىگەن بولسا ئىدى ماڭا خۇدا، ياتار ئىدىم جىمجىتلىق قاپلىغان ئۆلۈكلەر ماكانىدا. ئى پەرۋەردىگار، تېيىلىپ كېتەي دېگىنىمدە، يۆلىدىڭ مېنى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭدە. غەم-قايغۇ، ئەندىشىدە قالغىنىمدا، شادلاندۇرىسەن تەسەللى بېرىپ ماڭا. ساڭا دوست بولالماس چىرىكلەشكەن ئەمەلدارلار، قانۇننى قالقان قىلار قىلغانلىرىدا ئەسكى ئىشلار. ئۇلار بىرلىشەر ھەققانىيلارنى ئۆلتۈرۈشكە، ھۆكۈم قىلار بىگۇناھلارنى ئۆلۈمگە. پەرۋەردىگار قورغىنىمدۇر، پاناھگاھىم _ قورام تېشىمدۇر. گۇناھلىرى ئۈچۈن خۇدا ئۇلارنى جازالار، رەزىللىكى ئۈچۈن خۇدا ئۇلارنى ھالاك قىلار، شۇنداق، پەرۋەردىگارىمىز ئۇلارنى قىرىپ تاشلار. ناخشا ئېيتايلى كېلىڭلار پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ، قورام تاشتەك قۇتقۇزغۇچى خۇدانى مەدھىيەلەيلى ئالقىشلاپ. ھۇزۇرىغا خۇدانىڭ شۈكۈر ئېيتىپ كىرەيلى، تەنتەنە بىلەن ئۇنىڭغا ناۋا قىلىپ مەدھىيەلەر ئېيتايلى. چۈنكى خۇدا _ ئىگىمىز پەرۋەردىگار ئۇلۇغدۇر، ئۇ بىر بۈيۈك پادىشاھ، بارلىق «ئىلاھلار»دىن ئۈستۈندۇر. چوققىلاردىن تاكى ئەڭ چوڭقۇر يەرلىرىگىچە زېمىننىڭ، جىمىسى ئۇنىڭ قولىدا، مۈلكىدۇر ئۇنىڭ. دېڭىز-ئوكيانلار تەۋەدۇر خۇداغا، ئۇ ياراتقان ئۇلارنى، زېمىن ئاڭا مەنسۇپتۇر، قوللىرى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن ئۇنى. سەجدە قىلايلى كېلىڭلار پەرۋەردىگارغا، ياراتقۇچىمىز ئۇ بىزنىڭ تىز پۈكەيلى ئۇنىڭغا. چۈنكى ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر، بىز ئۇنىڭ غەمخورلۇقىدىكى قوۋمدۇرمىز، ئۇ پەرۋىش قىلىۋاتقان قويلىرىدۇرمىز. بۈگۈن ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالساڭلار ئەگەر، ئۇ دەركى: «جاھىل بولماڭلار ئەجدادىڭلار مىرىبادا بولغىنىدەك، چۆل-باياۋان ماسساھتا تەرسالىق قىلغىنىدەك. ئاتا-بوۋاڭلار ئەنە شۇ يەردە مېنى سىنىغانىدى، مۆجىزىلىرىمنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ مېنى تەكشۈرگەنىدى. مەن قىرىق يىلغىچە يىرگىنىپ ئەجدادلىرىڭلاردىن، دېدىمكى: ‹ئۇلارنىڭ قەلبى يىراقتۇر مەندىن، ماڭماس ئۇلار مېنىڭ يولۇمدىن.› قەسەم قىلىپ ئېيتتىم يەنە غەزەپتە شۇڭا: ‹كىرەلمەس ئۇلار مېنىڭ ئارامگاھىمغا.›» يېڭى ناخشا ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ، ئەي جاھان ئەھلى ياڭرىتىڭلار غەزەللەر ئۇنىڭغا ئاتاپ. ناخشاڭلاردا تەرىپلەڭلار خۇدانىڭ نامىنى، بايان ئەيلەپ ھەر كۈنى ئۇنىڭ نىجاتلىقىنى. تارقىتىڭلار شان-شەرىپىنى ئەللەر ئارا، ئاجايىپ ئىشلىرىنى خەلق ئارا. ئۇلۇغ بولغاچ پەرۋەردىگار دائىما، ئۇ لايىقتۇر ھەسسىلەپ مەدھىيەلىنىشكە، ئۈستۈن بولغاچ ئۇ غەيرىي ئىلاھلاردىن، پەقەت ئۇلا ئەرزىيدۇ ئەيمىنىشكە. پەقەت بۇتتۇر باشقىلارنىڭ ئىلاھلىرى، ئەمما خۇدا ياراتقاندۇر ئەرشلەرنى. ئوراپ تۇرار شان-شەرەپ ۋە بۈيۈكلۈك ئۇنى، قۇدرەت ۋە گۈزەللىككە تولغاندۇر ئۇنىڭ تۇرارگاھى. تەرىپلەڭلار ئەي ئەل-قوۋملار پەرۋەردىگارنى، كۈيلەڭلار ئۇنىڭ شان-شۆھرەت ۋە قۇدرىتىنى. پەرۋەردىگار شەرىپىگە مۇناسىپ ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار، خۇدانىڭ ئىبادەتخانا ھويلىسىغا ھەدىيە بىلەن كىرىڭلار. ئەي جاھان ئەھلى، پەرۋەردىگاردىن قورقۇڭلار، پارلاق، مۇقەددەس پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىڭلار، ئېيتىڭلار ئەللەر ئارا: «پەرۋەردىگار ئەڭ ئالىي ھۆكۈمراندۇر، ئۇ سورار خەلقلەرنى ئادالەتتە. بەرھەق، دۇنيا مۇستەھكەم، تەۋرەنمەستۇر.» شادلانسۇن يەر-جاھان، خۇش بولسۇن ئاسمانلار، تەنتەنە قىلىشسۇن دېڭىز ۋە ئۇنىڭدىكى جانلىقلار. يايرىسۇن دالىلار، ئۇنىڭدىكى چارۋىلار، ناخشا ئېيتسۇن ئىگىمىز ئالدىدا ئورمانلار. چۈنكى پەرۋەردىگار جەزمەن كېلىدۇ ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا، كېلىدۇ دۇنيانى ئادالەتتە، خەلقلەرنى ھەققانىي باشقۇرۇشقا. ئەڭ ئالىي ھۆكۈمراندۇر پەرۋەردىگار، خۇشاللانسۇن بۇنىڭدىن ھەممە خەلقلەر، شادلانسۇن ھەتتا ئەڭ يىراقتىكى ئەللەر. سىرلىق ۋە پىنھانلىق ئارا تۇرار پەرۋەردىگار، ھەققانىيەت، ئادالەتتە تەختى ئۇنىڭ مەزمۇت تۇرار. ئوتلار لاۋۇلداپ كۆيۈپ تۇرار ئالدىدا، رەقىبلىرىنى كۆيدۈرۈۋېتەر ھەرياندا. چاقمىقىنى چاقتۇرۇپ يورۇتار ئۇ جاھاننى، يەر-زېمىن تىترەپ كېتەر كۆرۈپ بۇنى. مومدەك ئېرىپ كېتەر بۈيۈك تاغلار ھەتتا، ئالەمنىڭ ھۆكۈمرانى پەرۋەردىگار ئالدىدا. ئەرشلەر جاكارلار ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى، جىمى خەلقلەر كۆرەر ئۇنىڭ شان-شەرىپىنى. شەرمەندىلىكتە قالار ئاخىر بۇتپەرەسلەر، ئەرزىمەس بۇتلىرىنى ماختىغانلار. پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلار بارلىق «ئىلاھلار». ئى پەرۋەردىگار، شادلاندى ئادالىتىڭدىن پۈتۈن يەھۇدىيە شەھەرلىرى، خۇشاللىققا چۆمدى سىئون ئاڭلاپ ھۆكۈملىرىڭنى. بەرھەق، ئى پەرۋەردىگار، جاھانغا ھۆكۈمران ئۇلۇغ خۇدادۇرسەن، غەيرىي ئىلاھلاردىن شۇقەدەر ئۈستۈندۇرسەن. ئەي پەرۋەردىگارنى سۆيگەنلەر، ئۆچ كۆرۈڭلار يامانلىقنى، پەرۋەردىگار قوغدار ئۆز تەقۋادارلىرىنىڭ جېنىنى، قۇتقۇزار رەزىللەرنىڭ چاڭگىلىدىن ئۇ سادىقلارنى. نۇر خۇددى ئۇرۇقتەك چېچىلغاندۇر ھەققانىيلارغا، شادلىق تېرىلغاندۇر دىلى دۇرۇسلارغا. ئەي ھەققانىيلار، پەرۋەردىگاردىن خۇشاللىنىڭلار، مۇقەددەسلىكىنى ياد ئېتىپ ئۇنىڭغا شۈكۈر ئېيتىڭلار. پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ ئېيتىڭلار يېڭى ناخشا، چۈنكى ئاجايىپ مۆجىزىلەر ئىگىسىدۇر خۇدا، مۇقەددەس بىلىكى، ئوڭ قولى زەپەر بەرگەندۇر ئۇنىڭغا. قىلدى خۇدا نامايان غەلىبىسىنى ھەممىگە، ئادالىتىنى كۆرسەتتى جاھاندىكى ئەللەرگە. ئۇ يەتكۈزدى ئىسرائىللارغا مېھىر ۋە مۇھەببىتىنى، ئۇنتۇمىدى ئۇ زىنھار ئىسرائىللارغا بولغان ساداقىتىنى، بارچە ئاۋام كۆردى ھەم ئىگىمىزنىڭ ئۇتۇقىنى. ئەي بارچە ئىنسانلار، ئالقىش ياڭرىتىڭلار خۇداغا، خۇش بولۇپ مەدھىيەلەر ئوقۇڭلار ناخشاڭلاردا ئۇنىڭغا. خۇداغا ئاتاپ لىرا بىلەن نەغمە-ناۋا قىلىڭلار، ھەم ئۇنىڭغا لىرا بىلەن ناخشا-غەزەل ئېيتىڭلار. ياڭرىتىڭلار ئالقىشلار پادىشاھىمىز خۇداغا، ئالقىشىمىز بولسۇن ئاڭا كاناي بىلەن بۇرغىدا. جۇشقۇنلىسۇن دېڭىز ۋە ئۇنىڭدىكى جانلىقلار، قىلسۇن قىزغىن تەنتەنە زېمىن يەنە جانلىقلار. چاۋاك چالسۇن خۇداغا خۇشاللىقتىن دەريالار، شادلىق بىلەن خۇدانى كۈيگە قاتسۇن ھەم تاغلار. چۈنكى پەرۋەردىگار جەزمەن كېلىدۇ ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا، كېلىدۇ دۇنيانى ئادالەتتە، خەلقلەرنى ھەققانىي باشقۇرۇشقا. ئەڭ ئالىي ھۆكۈمراندۇر پەرۋەردىگار! ئۇ كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تەختتە ئولتۇرار، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىپ تىترىسۇن پۈتكۈل قوۋملار، ھەيۋىسىدىن زىلزىلىگە كەلسۇن ھەممە جايلار. ھۆكۈمراندۇر سىئونغا پەرۋەردىگار، ئۇ بارلىق قوۋملار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرەر. مۇقەددەستۇرسەن ئى پەرۋەردىگار، ھەيۋەتلىك، بۈيۈك نامىڭنى مەدھىيەلىسۇن ئۇلار. ئى ئادالەت سۆيگۈچى قۇدرەتلىك شاھىمىز _ خۇدا، ئادىللىقنى ئورناتقانتىڭ ياقۇپ ئەۋلادلىرى ئارىسىغا، ئادالەت ۋە ھەققانىيەت ئەمەلگە ئاشقانىدى ئۇلاردا. پەرۋەردىگارىمىزنى ئۇلۇغلاڭلار، ئايىغىغا باش قويۇپ سەجدە قىلىڭلار. چۈنكى ئۇ مۇقەددەستۇر! مۇسا ۋە ھارۇنلار ئۇنىڭ روھانىيلىرىدىندۇر، سامۇئىلمۇ ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلغانلاردىندۇر. ئۇلار دۇئا قىلغاندا پەرۋەردىگارغا، بەرھەق ئۇ جاۋاب بەرگەنىدى ئۇلارغا. پەرۋەردىگار سۆزلىگەنىدى بۇلۇت تۈۋرۈكى ئىچىدىن ئۇلارغا، ئۇلار ئەمەل قىلىشتى خۇدا بەرگەن پەرز-پەرمانلارغا. ئى ئىگىمىز پەرۋەردىگار، جاۋاب بەردىڭ ئۇلارغا. ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلدىڭ دائىما، ئەمما جازالىدىڭ ئۇلارنى توۋا قىلمىغىنىدا. پەرۋەردىگارىمىزنى ئۇلۇغلاڭلار، مۇقەددەس سىئون تېغىدا ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار، چۈنكى مۇقەددەستۇر پەرۋەردىگارىمىز! ئەي پۈتكۈل جاھاندىكى ئىنسانلار، ياڭرىتىڭلار پەرۋەردىگارغا ئالقىشلار. خۇشاللىق بىلەن ئىبادەت قىلىڭلار ئۇنىڭغا، شادلىق بىلەن مۇناجات ئوقۇپ كىرىڭلار ھۇزۇرىغا. بىلىڭلاركى، پەرۋەردىگار يېگانىدۇر، بىزنى ئۇ ياراتقاندۇر، بىز ئۇنىڭغا تەۋەدۇرمىز، بىز ئۇنىڭ خەلقىدۇرمىز، يايلىقىنىڭ قويلىرىدۇرمىز. دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار ھەمدۇسانا-شۈكۈر ئېيتىپ، قەدەم تەشرىپ قىلىڭلار ھويلىلىرىغا مەدھىيە ئوقۇپ، تەرىپلەڭلار نامىنى مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ. بەرھەق، پەرۋەردىگار شاپائەتلىكتۇر، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە ساداقەتلىكتۇر. كۈيلەيمەن مەڭگۈلۈك مۇھەببەت ۋە ئادالىتىڭنى، ئى پەرۋەردىگار كۈيلىرىمگە قاتىمەن سېنى. يولۇم توغرا بولسىمۇ ئېھتىيات قىلىپ ماڭىمەن، پەرۋەردىگار قاچانمۇ ياردەمگە كېلەرسەن؟ خىيالىمغا كەلمەس ئەسلا پاسىق قىلمىش، رەزىللىك، يولدىن چىققان ئازغۇنلارغا نەپرىتىم بار شۇنچىلىك، ئۇلار قىلغان گۇناھلارغا ھەۋىسىم يوق قىلچىلىك. كۆڭلۈم مېنىڭ ئەگرىلىكتىن خالىيدۇر، ھەمدە ھەممە رەزىللىكتىن يىراقتۇر. باشقىلارغا كىمكى تۆھمەت ئەيلىسە يوق قىلارمەن ئۇنى دۈشمەن بىلىپ، كۆرسەم ئەگەر ھالى ئۈستۈن، مەنمەنچىنى تۇرالماسمەن سۈكۈت قىلىپ. كىم ئەرشتىكى خۇداغا سادىق بولسا، ئۇلارغا ئۆز ئوردامدىن ئورۇن بېرىمەن. توغرا، ھەق يولدا ماڭغانلارنى مېنىڭ خىزمىتىمگە قويىمەن. ھىيلىگەرلەرگە ئوردامدا ئورۇن يوقتۇر، يالغانچىلار ھۇزۇرۇمدا بولالماستۇر. زېمىنىمدىن يوق قىلىمەن رەزىللەرنى ھەر سەھەردە، بىرمۇ يامان قالماس ھەتتا پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرىدە. ئاڭلىغايسەن پەرۋەردىگار دۇئايىمنى، تىڭشىغايسەن مېنىڭ قىلغان پەريادىمنى. يوشۇرمىغىن دىدارىڭنى مەندىن خۇدا كۈلپەتتە قالغىنىمدا، نىدا قىلسام قۇلاق سېلىپ تېزدىن جاۋاب بەرگىن ماڭا. ئۆمرۈم مېنىڭ ئىس-تۈتەكتەك كەتمەكتە غايىب بولۇپ، ۋۇجۇدۇم ئۆرتەنمەكتە ئوتتەك كۆيۈپ. يۈرىكىم قۇرۇق چۆپتەك قۇرۇپ كەتتى. ئىشتىھاسىز، تامىقىم ئازلاپ كەتتى. ھەسرەت ۋە نادامەتتە كۆپ قىينالدىم، ئورۇقلاپ بىر تېرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ قالدىم. مەن گويا باياۋاندا ئۇچۇپ يۈرگەن تازقارىمەن، ۋەيرانە خارابىنى ماكان قىلغان ھۇۋقۇشمەن. مەن گويا ئۆگزىدىكى يېتىم قۇشمەن، ياتساممۇ كۆزۈم ئوچۇق، ئۇيقۇسىزمەن. كۈنبويى مەسخىرە قىلار مېنى دۈشمەنلىرىم، ھاقارەتلىك سۆزگە يانداش بولۇپ قالدى مېنىڭ ئىسمىم. گۇگۇمدىكى كۆلەڭگىدەك ھاياتىممۇ غۇۋالاشتى، تېنىم چۆپتەك بولۇپ قاقشال-غازاڭلاشتى. لېكىن تەختىڭ مەڭگۈلۈكتۇر پەرۋەردىگار، شۆھرىتىڭ ئەلمىساقتىن تائەبەدكە داۋاملىشار. سەن ياردىمىڭنى ئايىماي، سىئونغا رەھىم قىلىسەن، چۈنكى ئۇنىڭغا مېھرىبان بولۇپ، ياردەم قىلىش ۋاقتى كەلدى، شۇنداق، ياردەم قىلىشنىڭ ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلدى. قۇللىرىڭ تاشلىرىنى چىن قەلبىدىن سۆيەر سىئوننىڭ، خاراب بولغان تۇپرىقىغا ئىچىنى ئاغرىتىپ ئۇنىڭ. بارچە ئەللەر نامىڭغا ھۆرمەت قىلار پەرۋەردىگار، شەرىپىڭدىن ئەيمىنەر ئالەمدىكى ھەممە شاھ، ھۆكۈمرانلار. پەرۋەردىگار سىئوننى قايتا قۇرار، شان-شۆھرىتى خۇدانىڭ نامايان بولار. قوبۇل قىلار پەرۋەردىگار مىسكىننىڭ دۇئاسىنى، رەت قىلمايدۇ غېرىبنىڭ پەريادىنى. كېلىچەك بىر ئەۋلاد ئۈچۈن خاتىرىلەڭلار خۇدانىڭ قۇدرىتىنى، كەلگۈسىدە خەلقلەر مەدھىيەلىسۇن خۇدانى. بىراق خۇدا ئاجىز قىلدى قىران ۋاقتىمدا، ھاياتىمنى قىسقارتتى ئۆمرۈمنىڭ يېرىمىدا. يىللىرىڭنىڭ چېكى يوقتۇر ئى خۇدا، جېنىمنى ئالما ئۆمرۈمنىڭ يېرىمىدا. دۇنيانى يارتقانتىڭ ئەلمىساقتا، ئاسمانمۇ بەرپا بولدى ئۆز قولۇڭدا. بىراق ئۇلارنىڭ ھەممىسى يوقىلىدۇ، سەن بولساڭ ئەبەدىي ۋە مەڭگۈلۈكسەن. ئۇلار گويا كىيىمدەك كونىرىغاندا، سەن ئۇلارنى كىيىم كەبى ئالماشتۇرىسەن. ئاسمان-زېمىن يوق بولار بىردىنلا. لېكىن سەنلا ئۆزگەرمەس پەرۋەردىگار، پەقەت سەندە ئەبەدىي ھاياتلىق بار. خاتىرجەم ياشايدۇ قۇللىرىڭنىڭ بالىلىرى، ھۇزۇرۇڭدا گۈللەپ ياشنار ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى. ئىگىمىزگە ھەمدۇسانا ئېيتقىن مېنىڭ ئەي قەلبىم، تەرىپلىگىن ئۇنىڭ مۇقەددەس نامىنى ئەي ۋۇجۇدۇم. ئىگىمىزگە ھەمدۇسانا ئېيتقىن مېنىڭ ئەي قەلبىم، ئۇنتۇمىغىن خۇدانىڭ شەپقىتىنى ھەر دائىم. كەچۈرەر ئۇ بارلىق گۇناھلىرىڭنى، ساقايتار ھەرقانداق كېسەللىرىڭنى. ئۇ قۇتقۇزار ئۆلۈمدىن ھاياتىڭنى، ياغدۇرار ھەم مۇھەببىتى، رەھىمدىللىقىنى. ئۇ سېنى بەرىكىتىدە مەمنۇن قىلار ئۆمۈر بويى، ياش چېغىڭدەك كۈچ-قۇۋۋىتىڭ ئۇرغۇپ تۇرار بۈركۈت كەبى. پەرۋەردىگار يۈرگۈزەر ھەققانىيەت، ئېزىلگەن بارلىق مەزلۇملارغا ئادالەت. نامايان قىلدى خۇدا مۇسا پەيغەمبەرگە ئۆز يولىنى، ئىسرائىل ئەۋلادلىرىغا كارامەتلىرىنى. خۇدا رەھىمدىل، شەپقەتلىكتۇر، ئاسانلىقچە غەزىپى كەلمەس، مېھىر-مۇھەببىتى چەكسىزدۇر. ئەيىبلىمەس ئۇ بىزنى ئۇزاققىچە، غەزىپىمۇ ئەمەستۇر ئاداققىچە. ئۇ مۇئامىلە قىلمىغاندۇر بىزگە گۇناھلىرىمىزغا يارىشا، جازالىمىغاندۇر بىزنى ئۇ قىلمىشلىرىمىزغا قارىتا. ئاسمان، زېمىندىن ئېگىز بولسا قانچىلىك، خۇدانىڭ ئىخلاسمەنلەرگە بولغان مۇھەببىتى چەكسىزدۇر شۇنچىلىك. مەشرىق مەغرىبتىن يىراق بولسا قانچىلىك، يىراقلاشتۇرغاندۇر گۇناھلىرىمىزنى ئۇ بىزدىن شۇنچىلىك. ئاتا ئۆز بالىلىرىغا كۆيسە قانچىلىك، پەرۋەردىگار كۆيۈمچانلىق قىلار ئىخلاسمەنلىرىگە شۇنچىلىك. شۇنداق، ئۇ بىلەر بىزنىڭ نېمىدىن ياسالغانلىقىمىزنى، ئېسىگە ئالار ئۇ بىزنىڭ تۇپراق ئىكەنلىكىمىزنى. مايسىدەك قىسقىدۇر ئىنساننىڭ ئۆمرى، دالادا ئېچىلغان گۈلدۈر ئىنساننىڭ ئۆزى. ئەگەردە چىقسا شامال ئۇ گۈل توزار، ھېچبىر ئىز قالدۇرماستىن غايىب بولار. پەرۋەردىگار ئورناتقاندۇر تەختىنى ئەرشكە، ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلار ھەممىنىڭ ئۈستىدە. ئەي پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرەتلىك پەرىشتىلىرى، سىلەردۇرسىلەر ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغۇچىلىرى، ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى ئىجرا قىلغۇچىلىرى، شۇڭا تەرىپلەپ كۈيلەڭلار پەرۋەردىگارنى. ئەي خۇدانىڭ ئەرشتىكىلىرى، سىلەردۇرسىلەر ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ئىجرا قىلىدىغان خىزمەتچىلىرى، شۇڭا تەرىپلەپ كۈيلەڭلار پەرۋەردىگارنى. ئەي پەرۋەردىگار ياراتقانلار، تەرىپلەڭلار پەرۋەردىگارنى ئۇ ھۆكۈم سۈرگەن ھەممە جايدا، ئەي مېنىڭ قەلبىم ئېيتقىن ھەمدۇسانا پەرۋەردىگارغا. ئەي قەلبىم، ھەمدۇسانا ئېيتقىن پەرۋەردىگارغا! شان-شەۋكەتلىك، ھەيۋەتلىكسەن، ئى خۇدا، ئىلاھىم تەڭداشسىزسەن ئۇلۇغلۇقتا. لىباسىڭدۇر يورۇقلۇق، سەن ئۇنىڭغا پۈركەنگەن، ئاسمىنىڭنىڭ گۈمبىزى چېدىر كەبى تىكىلگەن. ئەرشتىكى تۇرارگاھىڭ لىملىرىنى ئورنىتىپسەن كۆكتىكى سۇلارغا، جەڭ ھارۋىسى كەبى قىلىپ بۇلۇتنى، ماڭدۇرۇپسەن شامالنىڭ قانىتىدا. شامال قىلىسەن پەرىشتىلىرىڭنى، ئوت يالقۇنى قىلىسەن خىزمەتكارلىرىڭنى. ئورنىتىپسەن يەرنى شۇنچە مۇكەممەل ئۇ ئۇلىدىن ھېچبىر زامان تەۋرەنمەس. تاغلار كۆرۈنۈپ، ۋادىلارمۇ ئايان بولدى، سۇلار ھەم سەن بۇيرۇغان يەرگە كېلىپ جايلاشتى. دېڭىز سۈيى تېشىپ يەنە باسمىسۇن دەپ زېمىننى، سەن ئۇلارغا چەك قويۇپ سىزدىڭ چېگرا سىزىقنى. سۇ بويىغا قۇشلارمۇ كۆكتىن چۈشۈپ قونىدۇ، دائىم ئۇلار شاخلاردا تاقلاپ يۈرۈپ سايرايدۇ. ئەرشتىكى سۇ بىلەن سۇغىرىسەن تاغلارنى، ئۆزۈڭ ئۆستۈرگەن مېۋىگە تولدۇرىسەن زېمىننى. چارۋا ئۈچۈن دالىدا ئوت-چۆپلەرنى ئۆستۈردۈڭ، ئوزۇقىنى ئىنسانلار قارا يەردىن ئالسۇن دەپ، ئېتىزلاردا زىرائەت-كۆكتاتلارنى ئۆستۈردۈڭ. كۆڭۈللەرنى شاد ئەيلىسەڭ شارابتا، قۇۋۋەت بەردىڭ نېنىڭ بىلەن تەنلەرگە، جىلۋە بەردىڭ مېيىڭ بىلەن يۈزلەرگە. لىۋاندىكى كېدىر دەرەخلىرى پەرۋەردىگار تىككەندۇر ئۇنى، خۇدا قانغۇچە سۇغىرار ئۇلارنى. ئۇ دەرەخلەرگە قۇشلار كېلىپ ئۇۋا ياسار، ئارچا دەرەخلىرى لەيلەكنىڭ ئۆيى بولار. تاغ ئۆچكىلىرى تاغلاردا ئوينار، تىك قىيا سۇغۇرغا پاناھ بولار. ئى خۇدا، پەسىللەرنى ئايرىش ئۈچۈن ئاينى ياراتتىڭ، قۇياشقىمۇ پاتىدىغان ۋاقىتنى بىلدۈردۈڭ. قاراڭغۇلۇق چۈشۈرسەڭ كېچە بولىدۇ، ئورمانلاردا جانلىقلار شىپىرلاپ كېزىپ يۈرىدۇ. ئارسلانلار ئولجا ئىزدەپ ھۇۋلىشار، رىزىقلىرىنى ئۇلار، خۇدا سەندىن سورار. قۇياش چىقسا ئۇلارمۇ ئۇۋىسىغا قايتار، قايتىپ كېلىپ ئۇۋىسىدا ئارام ئالار. ھەممە ئادەم ئۆز ئىشىغا مېڭىشار، ئەتىگەندىن كەچكىچە مېھنەت قىلار. پەرۋەردىگار ياراتقان مەخلۇقاتلىرىڭ شۇنچە كۆپتۇر. سەن ياراتقان جانلىقلار بىلەن تولغاندۇر زېمىن يۈزى، بۇلارنىڭ ھەممىسىلا ھېكمىتىڭنىڭ مېۋىسىدۇر. ئەنە ئالدىڭدا بىپايان دېڭىز ياتار، ئۇنىڭدا سان-ساناقسىز جانلىق ياشار، ھەم ئۇلارنىڭ چوڭى ۋە كىچىكى باردۇر. ئۇندا يەنە سەن ياراتقان لىۋياتان بار، ئۈستىدە ئۇنىڭ قېيىق بىلەن كېمە قاتنار. ئۇلار سەندىن رىزقى ئۈچۈن ئوزۇق كۈتەر، ئوزۇق ئۈچۈن جامالىڭغا تەلمۈرەر. ئوزۇقىنى ئۇلار سېنىڭ قولۇڭدىن ئالار، شۇ ئوزۇقتا ئۇلارنىڭ قورسىقى تويار. دەككە-دۈككىگە چۈشەر ئۇلار جامالىڭنى يوشۇرغىنىڭدا، جان ئۈزۈپ قارا يەرگە قايتار، نەپەسلىرىنى توختاتقىنىڭدا. سەن ئۆز نەپىسىڭنى ئەۋەتكىنىڭدە ئۇلار يارىتىلار، پۈتۈن يەر يۈزى يېڭىلىنار. پەرۋەردىگارنىڭ شۆھرىتى ئەبەدىي بولغاي، پەرۋەردىگار ياراتقانلىرىدىن خۇرسەن بولغاي. پەرۋەردىگار يەرگە باقسا زېمىن تىترەر، تاغقا تەگسە ئوتلار يېنىپ، تۈتۈن چىقار. ناۋادا جېنىم تەندە بولسىلا مەدھىيە ئوقۇيمەن خۇدايىمغا، مەڭگۈ ھەمدۇسانا ئېيتىمەن ئۇنىڭغا. ئويلىرىمدىن خۇدا رازى بولغاي، چۈنكى پەرۋەردىگاردىن بولدۇم خۇشال، گۇناھكارلار يەر يۈزىدە قالمىغاي، رەزىللەر زاۋال تاپقاي. ھەمدۇسانا ئېيتقىن ئەي قەلبىم پەرۋەردىگارغا، ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار ھەممىڭلار ئۇنىڭغا. پەرۋەردىگارغا شۈكۈرلەر ئېيتىڭلار، ئۇنىڭ شەنىگە مەدھىيەلەر ئوقۇڭلار، كارامەتلىرىنى ئەللەر ئارا بايان قىلىڭلار! خۇدانى كۈيلەڭلار قېتىپ ناخشا-نەغمىگە، مۆجىزىلىرىنى ئۇنىڭ جاكارلاڭلار ھەممىگە. ئۇلۇغلاڭلار مۇقەددەس خىسلەتلىرىنى خۇدانىڭ، قەلبى شادلانسۇن پەرۋەردىگارنى سېغىنغانلارنىڭ. تەلپۈنۈڭلار خۇدانىڭ قۇدرىتىگە-كۈچىگە، ئىنتىلىڭلار ھەم ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا-مېھرىگە. ئېسىڭلاردا بولسۇن ئۇنىڭ كارامەتلىرى، مۆجىزىلىرى ۋە چىقارغان ھۆكۈملىرى. ئى خۇدانىڭ قۇلى، ئىبراھىمنىڭ نەسىللىرى، ئۇ ئۆزى تاللىغان ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى. ئۇ پەرۋەردىگاردۇر، ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى ھەممە يەردە كۈچكە ئىگىدۇر. ئۇنىڭ تۈزگەن ئەھدىسى ئەبەدىي يادىدىدۇر، بۇ ئۇنىڭ ئاداغقىچە ۋەدە قىلغان سۆزىدۇر. پەرۋەردىگار ئىبراھىم بىلەن ئەھدە تۈزگەنىدى، ئىسھاققىمۇ قەسەم ئىچكەنىدى. ئۇ بۇنى ياقۇپقىمۇ نىزام قىلىپ بەرگەنىدى. ئىسرائىلغا مەڭگۈلۈك ئەھدە قىلىپ مۇنداق دېگەنىدى: «كەنئان زېمىنىنى سېنىڭ مۈلكۈڭ قىلىمەن، ئۇنى ساڭا تەئەللۇق نېسىۋەڭ قىلىمەن.» ئۇ چاغدا ئۇلار ناھايىتى ئاز سانلىق ئىدى، نەزەردە يوق ھەم مۇساپىر ئىدى. ئۇلار يۇرتمۇ-يۇرت سەرسان ئىدى، ئەلدىن-ئەلگە كېزەر ئىدى. خۇدا ھېچكىمنىڭ ئۇلارنى ئېزىشىگە يول قويمىدى، ئۇلارنى دەپ، پادىشاھلارنىمۇ مۇنداق ئاگاھلاندۇردى: «مېنىڭ تاللىغانلىرىمغا چېقىلماڭلار، پەيغەمبەرلىرىمگە زىيانكەشلىك قىلماڭلار.» ئاچارچىلىق بەردى خۇدا كەنئانغا، زار قىلدى ئۇلارنى ئاش-نانغا. خۇدا ئۇلارنى دەپ ئالدىنئالا يۈسۈپنى مىسىرغا ئەۋەتكەنىدى، ئاكىلىرى ئۇنى قۇل قىلىپ ساتقانىدى. ئۇنىڭ پۇتلىرى زەنجىردە زەخىملەنگەنىدى، بوينىغا بويۇنتۇرۇق سېلىنغانىدى. ئۇ تاۋلاندى پەرۋەردىگارنىڭ بېشارىتى كۆرۈلگۈچە، خۇدا يۈسۈپنىڭ چۈشىدە كۆرسەتكەنلىرى ئىسپاتلانغۇچە. ئۇنى ئازاد قىلىشقا پىرئەۋن ئەمر قىلدى، ئەللەرنىڭ ھۆكۈمرانى ئۇنىڭغا ھۆرلۈك بەردى. پىرئەۋن ئۇنى ئوردىسىغا غوجىدار قىلدى، بارلىق مال-مۈلكىگە باشلىق قىلىپ تەيىنلىدى. بەردى ئۇنىڭ ئىختىيارىغا ۋەزىرلىرىنى، دانالىق ئۆگىنىشكە تاپشۇردى ئاقساقاللىرىنى. شۇنداق قىلىپ ئىسرائىللار مىسىرغا كەلدى، ھامنىڭ زېمىنىدا ياقۇپ ئەۋلادلىرى مۇساپىر بولدى. ئۇلارنى كۆپ نەسىللىك قىلدى پەرۋەردىگار، ھەم دۈشمەنلىرىدىن كۈچلۈك بولدى ئۇلار. شۇڭا ئۇلاردىن بىزار بولۇپ مىسىرلىقلار، ھىيلە-مىكىر مۇئامىلىدە بولدى ئۇلار. ئاندىن ئەۋەتتى خۇدا ئۆز قۇلى مۇسانى، يوللىدى ئۆز تاللىغىنى ھارۇننى. خۇدانىڭ ئالامەتلىرىنى بايان قىلدى ئۇلار مىسىردا، ئۇنىڭ مۆجىزىلىرىنى كۆرسەتتى ھام زېمىنىدا. زېمىننى زۇلمەت قىلسىمۇ قاراڭغۇلۇقىدا پەرۋەردىگار، ئۇنىڭ ئەمرىگە ئىتائەتسىزلىك قىلمىدى ئۇلار. قان قىلدى خۇدا مىسىرنىڭ سۇلىرىنى، ئۆلتۈرۈۋەتتى ئۇلارنىڭ بېلىقلىرىنى. پاقا ئاپىتى قاپلىدى يەرلىرىنى، قاپلىدى ھەتتا پاقىلار پادىشاھ سارىيىنى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن قاپلىدى غۇژ-غۇژ چىۋىنلار، ھەممە يەرنى باستى غىڭ-غىڭ پاشىلار. يامغۇر ئورنىغا مۆلدۈر ياغدى، مىسىرنى چاقماق ئۇردى. نابۇت بولدى ئەنجۈر دەرىخى، ئۈزۈم تاللىرى، ۋەيران بولدى دەرەخلەرنىڭ بارلىقى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن كەلدى يەنە چېكەتكىلەر، مىژىلداپ كەلدى سان-ساناقسىز چېكەتكىلەر. قويمىدى ئۇلار بارلىق گىياھلارنى، يەپ تۈگەتتى ئېتىزلاردا ھوسۇللارنى. ئاخىرىدا ئۆلتۈردى خۇدا مىسىردىكى تۇنجى بالىلارنى _ ئۇلارنىڭ غۇرۇرى بولغان بىرىنچى ئوغۇللارنى. ئۇ ئىسرائىللارنى سەپەرگە ئالتۇن-كۈمۈش بايلىق بىلەن چىقاردى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساغلام ھەم كۈچلۈك ئىدى. ئۇلارنىڭ كەتكىنىگە مىسىرلىقلار خۇشال بولدى، چۈنكى مىسىرلىقلار ئىسرائىللاردىن بەك قورققانىدى. پەرۋەردىگار بۇلۇتنى سايىۋەن قىلدى، تۈندە ئۇلارغا ئوتنى نۇر قىلىپ بەردى. ئۇلار خۇدادىن تىلىگەنىدى، بۆدۈنە ئاتا قىلدى، توقلاش ئۈچۈن ئۇلارنى ئاسماندىن نان چۈشۈردى. تاشنى يېرىپ ئارىلىقلىرىدىن سۇ چىقاردى، قاقاس چۆلدە ئېقىن-دەريا پەيدا قىلدى. بەرھەق خۇدا مۇقەددەس ۋەدىسىنى ئۇنتۇمىدى، قۇلى بولغان ئىبراھىمنى ئەس-يادىدا ساقلىدى. ئۇ خەلقىنى چىقاردى مىسىردىن شاد قىلىپ، ھۆرلۈكىگە تەنتەنە قىلدى خەلقى ناخشا ئېتىپ. يات ئەللەرنىڭ زېمىنلىرىنى بەردى ئۇلارغا پەرۋەردىگار، باشقىلارنىڭ ئەجىر-مېھنەتلىرىگە مۇيەسسەر بولدى ئۇلار، شۇڭا ئىتائەت قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنلىرىغا، بويسۇنۇڭلار ئۇنىڭ پەرمانلىرىغا. ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا! ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا، شۈكۈرلەر ئېيتىڭلار ئۇنىڭغا. چۈنكى پەرۋەردىگار شاپا‏ئەتلىكتۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر. قۇدرىتىنى خۇدانىڭ كىممۇ تولۇق تەرىپلىيەلەر؟ كىم ئۇنىڭغا ئېيتالار مۇكەممەل مەدھىيەلەر؟ نەقەدەر بەختلىك-ھە، ئادالەتلىك ئىش قىلغانلار، ھەر دائىم ھەققانىيەت يولىنى تۇتقانلار. ئى پەرۋەردىگار، ئالغايسەن مېنى ئېسىڭگە، ھىممىتىڭنى كۆرسەتكىنىڭدە ئۆز خەلقىڭگە. خەۋەر ئالغىن ھالىمدىن نىجاتلىقىڭ كەلگەندە. ئۆزۈڭ تاللىغان خەلقىڭنىڭ ئىقبالىنى كۆرەي، ئۇلارنىڭ كۈلكىسىگە جور بولۇپ كۈلەي، ساڭا مەنسۇپ خەلقىڭ بىلەن ماختىنىپ يۈرەي. خۇددى ئەجدادلىرىمىزدەك بىزمۇ گۇناھ ئۆتكۈزدۇق، رەزىل، ئىپلاس ھەم يامان ئىشلارنى ھەممىمىز قىلدۇق. ئەجدادلىرىمىز مىسىردىكى چېغىدا، مەنسىتمىگەنىدى خۇدانىڭ مۆجىزىلىرىنى. ئىسيان كۆتەرگەنىدى ئۇلار قىزىل دېڭىز بويىدا، ئېسىدىمۇ تۇتماستىن خۇدانىڭ مۇھەببىتىنى. ئەمما پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ شەرىپى ئۈچۈن، ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قۇدرىتىنى نامايان قىلغانىدى. ئۇنىڭ ئەمرى بىلەن سۈيى قۇرۇپ قىزىل دېڭىزنىڭ، ئۇلارنى خۇددى چۆللۈكتە ئېلىپ ماڭغاندەك دېڭىز ئاستىدىن يېتەكلەپ ماڭغانىدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قوللىرىدىن ئازاد قىلدى، رەقىبلىرىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزدى. دۈشمەنلىرى سۇ ئاستىدا غەرق بولدى، ئۇلاردىن بىرەرسىمۇ ھايات قالمىدى. شۇندىلا خۇدانىڭ ۋەدىسىگە ئىشەندى ئۇلار، پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەپ ئوقۇدى كۈي-ناخشىلار. لېكىن ئۇلار ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنتۇدى پەرۋەردىگارنى، راۋا كۆرمىدى ئۆزلىرىگە خۇدانىڭ ئىرادىسىنى. ئۇلار چۆلدە نەپسىگە تەسلىم بولدى، ھەم پەرۋەردىگارنى سىناپ كۆردى. تەلەپ قىلغان نەرسىسىنى پەرۋەردىگار بەردى ئۇلارغا، بىراق بىر كېسەلنى كۈشەندە قىلىپ ئەۋەتتى ئۇلارغا. چېدىرلىرىدا ئۇلار ھەسەت قىلدى ھەزرىتى مۇساغا، ۋە خۇدا تاللىغان مۇقەددەس روھانىي ھارۇنغا. شۇنىڭ بىلەن يەر يېرىلىپ داتاننى يۇتۇۋالدى، ئابىرامنى ھەمراھلىرى بىلەن قاپسىۋالدى. ھەمراھلىرى ئارىسىغا ئوت چۈشۈرۈلگەنىدى، ئوت يالقۇنى رەزىللەرنى كۆيدۈرۈۋەتتى. موزاي بۇتنى ياساپ ئۇلار سىناي تېغىدا، سەجدە قىلىپ چوقۇندى شۇ ئالتۇن بۇتقا. چۆپ يەيدىغان بىر كالىنىڭ بۇتىنى ئۇلار، قويدى شان-شەرەپلىك پەرۋەردىگارنىڭ ئورنىغا. ئۇنتۇدى ئۇلار قۇتقۇزغۇچىسى خۇدانى، مىسىردا ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلغۇچىنى. كارامىتىنى كۆرسىتىپ قىزىل دېڭىزدا، ھام دىيارىدا مۆجىزىلەر ياراتقۇچىنى. شۇڭا خۇدا ئۇلارنى ھالاك قىلماق بولغانىدى، لېكىن خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان مۇسا چىقىپ رەھىم تىلەپ خۇدانىڭ غەزىپىنى باسقانىدى. ئۇلار بۇ گۈزەل زېمىنغا كىرىشنى رەت قىلدى، پەرۋەردىگارنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنمىدى. قاقشاپ تۇرۇپ ئۇلار ئۆز چېدىرلىرىدا، قۇلاق سالمىدى پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىغا. شۇڭا خۇدا قولىنى كۆتۈرۈپ قەسەم قىلىپ، دېدىكى: «ئۇلارنى چۆللەردە يوقىتىمەن. ئەۋلادلىرىنى يات ئەللەردە ۋەيران قىلىپ، ياقا يۇرت، يىراقلارغا تارقىتىمەن.» پېئور تېغىدا ئۇلار بائال ئىلاھىغا چوقۇنۇپ، ئۆلۈكلەرگە ئاتالغان قۇربانلىقلارنى يېيىشتى. قىلمىشلىرى ئۇلارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى خۇدانىڭ، شۇ ۋەجىدىن ۋابا كېسەل تارقالدى ئارىسىغا ئۇلارنىڭ. شۇڭا پىنىخاس چىقىپ ئوتتۇرىغا، توختاتتى ئۇ ۋابانى دادىللىقىدا. بۇنىڭ بىلەن پىنىخاس ھەققانىي دەپ ھېسابلاندى، ئۇنىڭ تۆھپىسى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە تارقالدى. خۇدانىڭ غەزىپىنى قوزغىدى ئۇلار يەنە مىرىبادا پەيدا بولغان سۇنىڭ بويىدا. بۇ سەۋەبلىك ئازار يەتتى مۇساغا. چۈنكى ئۇلار مۇسانىڭ جېنىغا تەگكەچ، بىخەستەلىك قىلىپ مۇسا سۆزلەپ سالدى ئۇلارغا. پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ ھالاك قىلماي ھەممە يات ئەللەرنى، ئەكسىچە ئارىلىشىپ ئۇلار بىلەن ئۆگەندى ئۇلارنىڭ قىلىقلىرىنى. چوقۇندى ئۇلارنىڭ بۇتلىرىغا، ھالاكەت ئېلىپ كەلدى بۇت ئۇلارغا. قىز-ئوغۇللىرىنى ئاتىدى قۇربانلىققا، بېغىشلاپ ئۇلارنى جىن-شەيتانغا. ئاتاپ كەنئاندىكى بۇتلارغا، ئۇلار تۆكتى قىز-ئوغۇللىرىنىڭ بىگۇناھ قانلىرىنى، قانلار بۇلغىدى زېمىننى. پاھىشە ئايالدەك بولدى ئۇلارنىڭ ئىشلىرى، بۇلغىدى ئۇلارنى ئۆز قىلمىشلىرى. پەرۋەردىگار ئۆزى تاللىغان خەلقىگە غەزەپلەندى، پەقەت ئۆزىگىلا تەۋە بولغان قوۋمىدىن نەپرەتلەندى. شۇڭا ئۇلارنى تاشلاپ بەردى يات ئەللەرنىڭ قولىغا، ئۆچمەن بولۇپ كەلگەنلەر ھۆكۈمرانلىق قىلدى ئۇلارغا. رەقىبلىرى قولىدا ئېزىلدى ئۇلار، قەددىنى پۈكۈپ، بېشىنى ئەگدى ياۋلار. تالاي قېتىم قۇتقۇزسىمۇ ئۇلارنى پەرۋەردىگار، ئەمما قەستەن بويسۇنۇشنى رەت قىلىپ كەلگەچ، بولدى گۇمران ئاخىردا گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ئۇلار. شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ پەريادىنى ئاڭلىغاندا، رەھىمدىللىك بىلەن نەزەر سالدى خۇدا جاپالىرىغا. ئۇلار ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئەھدىسىنى ئېسىگە ئېلىپ، مېھىر-مۇھەببىتى بىرلە بۇرۇنقى نىيىتىدىن يېنىپ، ئۇلارغا رەھىم-شەپقەت قىلدۇردى، ئۇلارنى ئەسىر ئالغۇچىلارنىڭ دىلىغا سېلىپ. ئى خۇدايىمىز پەرۋەردىگار، قۇتقۇزغىن بىزنى، قايتا يىغىپ ئەكەلگىن يۇرتىمىزغا بىزلەرنى. شۇندا سېنى مەدھىيەلەيلى، كۈيلەيلى، شۇ مۇقەددەس نامىڭغا شۈكۈر-رەھمەت ئېيتايلى. مەدھىيەلەنگەي مەڭگۈدىن-مەڭگۈگە، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار! خالايىقلار «ئامىن» دېسۇن بىرلىكتە! پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار! شۈكۈر ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا، شاپائەتلىكتۇر پەرۋەردىگار، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈككە داۋام قىلار. ئېيتىڭلار بۇ مەدھىيەنى پەرۋەردىگار قۇتقۇزغانلار، بايان قىلىڭلار ياۋ قولىدىن قۇتقۇزۇلغانلار. ئېيتىڭلار بۇ مەدھىيەنى ھەر يۇرتلاردىن يىغىلغانلار _ شەرق، غەرب، جەنۇب، شىمالدىن كەلگەنلەر. بەزىلىرى كېزىپ ئادەم ئاياغ باسمىغان باياۋاننى، تاپالمىدى ئادەم ماكان تۇتقان ھېچبىر يەرنى. ئۇلار ئاچ، ئۇسسۇغانىدى، ئۈمىدلىرى ئۈزۈلگەنىدى. كۈلپەتتە قالغىنىدا نىدا قىلغانىدى پەرۋەردىگارغا، پەرۋەردىگار چىقاردى ئۇلارنى كۈلپەتتىن ئازادلىققا. تاپقۇچە ئۇلار ماكانلاشقۇدەك بىر يەرنى، تۈز يولغا باشلىدى خۇدا ئۇلارنى. شۈكۈر ئېيتسۇن ئۇلار پەرۋەردىگارغا، ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىگە، ئىنسانلارغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىگە. ئۇ قاندۇرغۇچىدۇر ئۇسسۇزلۇقىنى چاڭقىغانلارنىڭ، ئۇ تويدۇرغۇچىدۇر ئېسىل نېمەتلەر بىلەن قورسىقىنى ئاچلارنىڭ. بەزىلەر زۇلمەت قاراڭغۇلۇقتا ياشىغانىدى، ئۇلار كىشەنلىنىپ، ئازاب چەككەن مەھبۇسلار ئىدى. چۈنكى ئۇلار يەرگە ئۇرۇپ خۇدانىڭ ئەمرلىرىنى، كۆزگە ئىلمىغانىدى ئۇلۇغ خۇدانىڭ كۆرسەتمىلىرىنى. دەرد تارتقۇزۇپ كەمتەر قىلدى خۇدا ئۇلارنى، يىقىلسىمۇ گەر ئۇلار چىقمىدى يۆلەيدىغان ھېچبىرى. كۈلپەتتە قالغىنىدا نىدا قىلغانىدى پەرۋەردىگارغا، پەرۋەردىگار چىقاردى ئۇلارنى كۈلپەتتىن ئازادلىققا. قاراڭغۇ زۇلمەتتىن چىقاردى ئۇلارنى، سۇندۇرۇپ زەنجىر-ئاسارەتلىرىنى. شۈكۈر ئېيتسۇن ئۇلار پەرۋەردىگارغا، ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىگە، ئىنسانلارغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىگە. پاچاقلاپ تاشلىدى ئۇ تۇچ دەرۋازىلارنى، چېقىپ تاشلاپ تۆمۈر تاقاقلارنى. بەزىلەر ھاماقەت بولدى گۇناھلىرىدىن، دۇچار بولدى ئازابلارغا قەبىھلىكلىرىدىن. يېمەكلىكلەردىن بولۇپ بىزار، بېرىپ قالدى ئۆلۈم گىردابىغا ئۇلار. كۈلپەتتە قالغىنىدا نىدا قىلغانىدى پەرۋەردىگارغا، پەرۋەردىگار چىقاردى ئۇلارنى كۈلپەتتىن ئازادلىققا. كېسەللىرى تېپىپ شىپا خۇدانىڭ كالامىدىن، قۇتقۇزدى ئۇلارنى ئۆلۈم گىردابىدىن. شۈكۈر ئېيتسۇن ئۇلار پەرۋەردىگارغا، ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىگە، ئىنسانلارغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىگە. سۇنۇپ خۇداغا مىننەتدارلىق قۇربانلىقىنى، مەدھىيەگە قېتىڭلار ئۇنىڭ كارامەتلىرىنى. بەزىلەر ئولتۇرۇپ كېمە-پاراخوتلاردا، تىرىكچىلىك قىلاتتى دېڭىزلاردا. گۇۋاھچىدۇر ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرىتىگە، چوڭقۇر دېڭىزلاردا كۆرسەتكەن كارامەتلىرىگە. ئەمرى بىلەن ھۆركىرىتىپ بورانلارنى، پەيدا قىلغانىدى ئۇ دولقۇنلارنى. كېمىلەر گاھ كۆتۈرۈلۈپ ئاسمان-پەلەككە، گاھ چۈشكىنىدە دولقۇن تەكتىگە، ئۇلار خەتەردىن چۈشكەنىدى ساراسىمىگە. ئۇلار گويا مەستلەردەك دەلدەڭشىيتتى، ھېچقانداق چارە-ئامالى قالمىغانتى. كۈلپەتتە قالغىنىدا نىدا قىلغانىدى پەرۋەردىگارغا، پەرۋەردىگار چىقاردى ئۇلارنى كۈلپەتتىن ئازادلىققا. ئۇ بوراننى توختاتتى، دولقۇنلارمۇ تىنچىدى. شادلاندى ئۇلار تىنچىتقاچقا دولقۇننى، نىشان قىلغان پورتقا يېتەكلىدى خۇدا ئۇلارنى. شۈكۈر ئېيتسۇن ئۇلار پەرۋەردىگارغا، ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىگە، ئىنسانلارغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىگە. ئۇلار خەلق ئارىسىدا ئۇلۇغلىسۇن خۇدانى، ئاقساقاللار مەجلىسىدە مەدھىيەلىسۇن خۇدانى. ئۇ يەنە كۆل قىلار چۆل-باياۋاننى، بۇلاقلارغا ئايلاندۇرار چاڭقاق يەرلەرنى. ئاچلارنى جايلاشتۇرۇپ ئاشۇ يەرگە، ئايلاندۇرار ئۇ يەرنى بىر شەھەرگە. ئۈزۈم تىكىپ، يەر تېرىپ ئۇلار، ئالىدۇ مول ھوسۇللار. بەرىكەت بەرگەچ ئۇلارغا پەرۋەردىگار، زور كۆلەمدە سانى ئاۋۇپ ئۇلارنىڭ، زىيادە بولار ئۇلاردا مال-ۋارانلار. زۇلۇم، كۈلپەت، دەرد سېلىپ دۈشمەنلىرى، ناۋادا خورلىنىپ، ئازىيىپ كەتسە سانلىرى، ياۋ ھۆكۈمدارلىرىنى شەرمەندە قىلىپ پەرۋەردىگار، ئۇلارنى دەشت-چۆل، باياۋاندا سەرسان قىلار. زۇلۇمدىن ئازاد قىلىپ مىسكىنلەرنى، قوي پادىسىدەك كۆپ قىلىدۇ ئەۋلادلىرىنى. بۇنى كۆرۈپ شادلىنىدۇ ھەققانىيلار، ئاغزى ئېتىلىپ، ئۈنسىز تۇرار پاسىقلار. كۆڭۈل قويسۇن بۇ ئىشلارغا ئەقلى بارلار، خۇدانىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى چۈشەنسۇن ئۇلار. ئىشەنچىم كامىلدۇر ساڭا، ئى خۇدا! پۈتۈن قەلبىم بىلەن مەدھىيە ئوقۇيمەن ناخشامدا. ئەي لىرا، چىلتار ئويغان ئەمدى، قەسىدە ئوقۇپ ئويغىتايلى تاڭنى. ئى پەرۋەردىگار، شۈكۈرلەر ئېيتىپ ساڭا، كۈيلەيمەن سېنى خەلقلەر، يات ئەللەر ئارا. چۈنكى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ ئاسماندىن بىپايان، ساداقىتىڭ شۇنچە مولدۇر، بۇلۇتلارغا تاقاشقان. ئى خۇدا، ئۇلۇغلۇقۇڭ كۆرسىتىلگەي ئاسمان-پەلەكتە، شان-شەرىپىڭ نامايان بولغاي پۈتكۈل يەر يۈزىدە. دۇئايىمنى قىلىپ ئىجابەت، قۇتقۇز بىزنى ئوڭ قولۇڭدا، ئۆزۈڭ سۆيگەن بەندىلىرىڭ نىجاتلىق تاپار شۇندا. خۇدا مۇنداق دېدى ئۆز مۇقەددەسلىكى بىلەن: «شادلىقتا خەلقىمگە بۆلۈپ بېرىمەن شەكەم دىيارىنى، تەقسىم قىلىپ بېرىمەن سۇككوت ۋادىسىنى. گىلئاد رايونى مەنسۇپتۇر ماڭا، ماناسسەمۇ ھەم تەئەللۇق ماڭا. ئەفرايىم _ بېشىمدىكى دۇبۇلغامدۇر، يەھۇدا مېنىڭ سەلتەنەت ھاسامدۇر. پۇت يۇيىدىغان قاچىدۇر موئاب ماڭا، چورۇقۇمنى تاشلايمەن ئىدومغا. چۇقان سالىمەن، فىلىستىيە ئۈستىدىن غەلىبە قىلغىنىمغا.» كىم مېنى ئىدومغا زەپەر بىلەن باشلاپ كىرەر؟ كىم مېنى ئۇ مۇستەھكەم شەھەرگە باشلاپ بارار؟ ئى خۇدا، بىزدىن ۋاز كەچتىڭمۇ؟ بىز بىلەن بىرگە بولمىدىڭ جەڭدىمۇ؟ دۈشمەنگە قارشى بىزگە بول ياردەمدە، بىھۇدىدۇر زەپەر قازىنىش ئىنساننىڭ ياردىمىدە. خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن جەڭ قىلىمىز باتۇرلارچە، ئىگەم ئۆزى دەسسەپ چەيلەر دۈشمىنىمىز تۈگىگۈچە. ئى مەدھىيەمنىڭ ئىگىسى خۇدا، سۈكۈت قىلىپ، ئۈنسىز تۇرما. ھاقارەت قىلماقتا رەزىللەر ماڭا، يالغانچى تىلىدا چاپلاپ قارا. نەپرەتلىك سۆزلىرى ئالدى مېنى قورشاۋغا، سەۋەبسىز ھۇجۇم قىلىپ ئۇلار ماڭا. مۇھەببىتىمنى بەرسەممۇ مەن ئۇلارغا، شىكايەتلەر قىلدى ئۇلار قارشى ماڭا، شۇنداقتىمۇ ئۇلار ئۈچۈن قىلىمەن دۇئا. ياخشىلىقىمغا بەردى يامانلىقنى، سۆيگۈمگە بەردى نەپرەتنى. بىر رەزىل ئادەم ئەيىبلىسۇن ئۇنى سوتتا، دەۋاگەردىن بىرسى بولسۇن ئوڭ يېنىدا. ئەيىبكار بولۇپ چىقسۇن ئۇ سوراقتا، دۇئاسىمۇ گۇناھلىق بولسۇن ھەتتا. ئۆمرى قىسقا بولسۇن، مەنسىپىنى باشقىسى ئالسۇن. بالىلىرى يېتىم بولسۇن، خوتۇنى تۇل قالسۇن. ئوغۇللىرى غېرىبانە ئۆيىدىن ئايرىلىپ سەرگەردان بولسۇن، ياقا يۇرتلاردا رىزقىنى ئىزدەپ تىلەمچى بولسۇن. تارتىۋالسۇن جازانىخورلار مال-مۈلكىنى، بۇلىۋالسۇن ياتلار ھەممە بىساتلىرىنى. مېھرىبانلىق كۆرسەتمىسۇن ئۇنىڭغا ھېچكىم، كۆڭۈل بۆلۈپ يۈرمىسۇن بالىلىرىغا بىركىم. قۇرۇتۇلۇپ ئۇنىڭ نەسلى، قالمىسۇن كېيىنكى ئەۋلادلىرى. ئەجدادلىرىنىڭ قەبىھلىكى يادىدا بولسۇن خۇدانىڭ، ئۇنتۇلمىسۇن گۇناھلىرى ھەم ئانىسىنىڭ. خۇدانىڭ كۆز ئالدىدا بولسۇن دائىم گۇناھلىرى، يەر يۈزىدىن يوق قىلسۇن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ نامىنى. چۈنكى ئۇ مېھرىبانلىق كۆرسەتمەستىن باشقىلارغا، ئۆلتۈرمەك بولدى، بەلكى سېلىپ زۇلۇم ئېزىلگەن، دىلى سۇنۇق، يوقسۇللارغا. ئۇ خۇشتار ئىدى لەنەت ئوقۇشقا، شۇڭا لەنەت كەلسۇن ئۇنىڭ بېشىغا. رايى يوق ئىدى بەخت تىلەشكە، شۇڭا بەخت يىراق بولسۇن ئۇنىڭغا. ئۇ ئۆزىگە كىيىم قىلىپ كىيىدۇ لەنەتلەرنى، لەنەتلىرى ئاققان سۇدەك كىرسۇن ئىچىگە، سىڭىپ كەتسۇن ماي كەبى سۆڭەكلىرىگە. لەنەتلىرى ئورىۋالسۇن ئۇنى تونىدەك، دائىم بېلىنى باغلىۋالسۇن بەلبېغىدەك. پەرۋەردىگار ئەنە شۇنداق جازالىسۇن شىكايەتتە بولغانلارنى، ئەدەپلىسۇن، يامان سۆزلەر بىلەن ماڭا ھۇجۇم قىلغانلارنى. ئى رەببىم پەرۋەردىگار، نامىڭنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ياردەم قىل ماڭا، قۇتقۇز مېنى، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ بولغاچ ئەلا. چۈنكى مەن ھاجەتمەن، بىچارە، دەردىممۇ جىق ئىچىمدە. ھاياتىممۇ غۇۋالاشتى گۇگۇمدىكى كۆلەڭگىدەك، چەتكە قېقىلدىم قېقىۋېتىلگەن چېكەتكىدەك. روزا تۇتۇپ پۇتۇمنىڭ مادارى كەتتى، تېنىم جۈدەپ، ھارغىنلىق يەتتى. دۈشمەنلىرىم ئالدىدا بولدۇم رەسۋا، بېشىنى چايقار ئۇلار ماڭا قاراشقاندا. پەرۋەردىگار، ئى رەببىم ياردەم قىل ماڭا، قۇتقۇز مېنى، مەڭگۈلۈك مۇھەببەت سەندە بولغاچقا. ئۇلار بىلسۇن بۇ ئىشنى سېنىڭ قىلغانلىقىڭنى، ماڭا نىجاتكار بولغۇچىنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى. مەيلى ئۇلار ئوقۇۋەرسۇن لەنەت ماڭا، بىراق سەن ئاتا قىلىسەن بەخت ماڭا. ھۇجۇم قىلسا ئۇلار خىجالەتتە قالار، ئەمما مەنكى قۇلۇڭ شادلىققا تولار. رەقىبلىرىم كىيىم قىلسۇن خىجالەتنى، تون قىلىپ يېپىنسۇن نومۇسنى. پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىمەن، ئۇنى ئاۋام ئىچىدە مەدھىيەلەيمەن. چۈنكى ئۇ تۇرار موھتاجلارنىڭ ئوڭ يېنىدا، ئۇلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلغانلاردىن قۇتقۇزۇشقا. پەرۋەردىگار ئېيتتىكى ئىگەمگە: «ئولتۇرغىن سەن مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا، مەن دەسسەتكۈچە دۈشمەنلىرىڭنى ئايىغىڭ ئاستىغا.» پەرۋەردىگار زورايتار ھۆكۈمرانلىقىڭنى سىئوندىن، دەركى ئۇ: «سەن ھۆكۈم سۈرگىن دۈشمەنلىرىڭ ئۈستىدىن.» سەن جەڭ قىلىدىغان كۈنى قوشۇنلىرىڭنى يىغقاندا، تەقۋادارلىرىڭ چىقار ئۆز ئىختىيارلىقىدا. سۈبھىدە كېلۇر نەۋقىرانلار ئالدىڭغا، خۇددى شەبنەم چۈشكەندەك سەن تۇرغان تاغقا. پەرۋەردىگار ئۆزگەرتمەس قىلغان مۇنۇ قەسىمىنى: «مەڭگۈلۈك روھانىيدۇرسەن مالكىسىدىقنىڭ قاتارىدىكى.» ئى پەرۋەردىگار، تۇرار ئىگەم سېنىڭ ئوڭ تەرىپىڭدە، پادىشاھلارنى بىتچىت قىلار غەزىپىنى كۆرسەتكەن كۈنىدە. ئۇ ھۆكۈم چىقىرار خۇداسىز خەلقلەرگە، باشلىرىنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتەر يەر يۈزىدە، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى تولدۇرار جەسەتلەرگە. ئىگەم يول ئۈستىدە بۇلاقتىن سۇ ئىچەر، كۈچ-قۇۋۋەت ئېلىپ، مەيدىسىنى ئېگىز كۆتۈرەر. ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا! ھەق يولدىكى جامائەت ئارىسىدا، شۈكۈر ئېيتىمەن ئىخلاس بىلەن خۇداغا. ئۇلۇغدۇر پەرۋەردىگارنىڭ بىز ئۈچۈن قىلغانلىرى، بۇنى تىلغا ئېلىشار ئۇلارنىڭ قەدرىنى بىلگەنلىرى. پەرۋەردىگارنىڭ ئەجرى ھەيۋەت، شەرەپلىكتۇر، ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى مەڭگۈلۈككە داۋام قىلۇر. مۆجىزىلىرىنى كىشىلەرنىڭ ئېسىگە سالار، رەھىمدىل، شەپقەتلىكتۇر پەرۋەردىگار. خۇدا بېرەر ئىخلاسمەنلىرىنىڭ رىزقىنى، تائەبەد ئېسىدە تۇتار ئۆز ئەھدىسىنى. پەرۋەردىگار كۆرسەتتى ئۆز قوۋمىغا قۇدرىتىنى، ئېلىپ بېرىپ ئۇلارغا ياتلارنىڭ زېمىنىنى. ئۇ ئادىل، ۋاپادار ھەربىر ئىشىدا، ئىشەنچ باردۇر يوليورۇقلىرىدا. داۋاملىشار ئۇلار مەڭگۈ، تائەبەدكە، ئورۇندىلار ئۇلار دۇرۇس، ساداقەتلىكتە. مۇقەددەس، سۈرلۈكتۇر خۇدا! قۇتۇلۇش بەردى ئۆز قوۋمىغا، ئەھدىسىنى بېكىتتى ھەم مەڭگۈگە. دانالىق پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەنلىكتىن باشلىنۇر، ئەمرىگە ئەمەل قىلغۇچىلار ھېكمەتلىك بولۇر. پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ھەمدۇسانالار مەڭگۈلۈك بولۇر. پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار! نەقەدەر بەختلىكتۇر پەرۋەردىگارغا ئىخلاسى بارلار، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە بويسۇنۇشتىن سۆيۈنىدىغانلار. كۈچلۈك بولار زېمىندا ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى، بەختلىكتۇر دۇرۇس يولدا ماڭغانلىرى. ئۆيلىرى بايلىققا تولۇپ، دۆلەتمەن بولار، ئۇلارنىڭ ھەققانىيلىقى مەڭگۈلۈك بولار. قاراڭغۇلۇقتا نۇر چېچىلار دۇرۇس يولدا ماڭغانلارغا، رەھىمدىل، شەپقەتلىك، ھەققانىيدۇر خۇدا. ساخاۋەتلىك، مەرد ئادەم بەختلىك بولار، ئادىل ئىش قىلىدىغانلار روناق تاپار. ھەققانىيلار ئەبەدىي مەغلۇپ بولماس، ھەققانىيلار مەڭگۈگە ئۇنتۇلماس. قورقۇپ كەتمەس شۇم خەۋەر كەلسە ئۇلارغا، كۆڭلى توقتۇر ئۇلارنىڭ تايانغاچ پەرۋەردىگارغا. ئىرادىسى مۇستەھكەمدۇر ئۇلارنىڭ، قورقمايدۇ ئەسلا، كۆرەر مەغلۇبىيىتىنى دۈشمەنلىرىنىڭ. سېخىيدۇر ئۇلار، يوقسۇللارغا بېرەر سەدىقە، مەڭگۈ ئۇنتۇلماس ھەققانىيلىقى ئۇلارنىڭ، قۇدرەت تېپىپ، نائىل بولار ھۆرمىتىگە كىشىلەرنىڭ. بۇنى كۆرۈپ چىدىمايدۇ رەزىللەر، ئاچچىقىدا ئۆز گۆشىنى ئۆزى يەر، زەئىپلىشىپ ئۈمىدلىرى ئۈزۈلەر. پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار! ئەي ئۇنىڭ قۇللىرى، ئۇنى مەدھىيەلەڭلار، پەرۋەردىگار نامىغا مەدھىيەلەر ئېيتىڭلار. ھۆكۈمرانلىق قىلار خۇدا بارچە ئىنسان ئۈستىدىن، شان-شەرىپى بۈيۈكتۇر، ئۈستۈن تۇرار پەلەكتىن. ئۇ قۇتقۇزار يوقسۇللارنى يوقسۇللۇق توزانىدىن، ئېلىپ چىقار ئۇ موھتاجلارنى موھتاجلىق ئەۋرىزىدىن. ئولتۇرغۇزار ئۇلارنى شاھزادىلەر قېشىغا، ھەتتا ئۆز خەلقىنىڭ شاھزادىلىرى يېنىغا. ئۇ شادلىق بېغىشلار تۇغماس ئايالغا، ئۆز ئۆيىدە قۇچىقىنى تولدۇرار بالىغا. ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا. ئىسرائىللار مىسىردىن چىققىنىدا، ياقۇپ ئەۋلادى يات خەلقلەردىن ئايرىلغىنىدا، يەھۇدا نەسلىنى ماكان قىلدى خۇدا، ئىسرائىللار خۇدانىڭ ئىلكىدىكى خەلق ئىدى. دېڭىز بۇنى بىلىپ ياندى ئارقىغا، ئىئوردان دەرياسى بۇرۇلۇپ كەينىگە ئاقتى. تاغلار چۆچۈپ سەكرىدى قوچقارلاردەك، دۆڭلەرمۇ ئۈركۈدى قوزىلاردەك. ئەي دېڭىز، نېمىشقا قاچىسەن؟ ئەي ئىئوردان دەرياسى، نېمىشقا كەينىڭگە ئاقىسەن؟ ئەي تاغلار، نېمىشقا سەكرەيسىلەر؟ ئەي دۆڭلەر، نېمىشقا ئۈركۈيسىلەر؟ ئەي زېمىن، تەۋرەن رەببىڭنىڭ سىيماسىدىن، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدانىڭ كەلگىنىدىن. ئۇ تاشنى كۆلچەككە ئايلاندۇردى، ئۇيۇل تاشتىن بۇلاقنى پەيدا قىلدى. بولمىسۇن بىزگە ئى پەرۋەردىگار، بولمىسۇن بىزگە، بولسۇن مەنسۇپ شان-شۆھرەت پەقەت ئۆزۈڭگە، چۈنكى مەڭگۈلۈك مۇھەببەت ۋە چەكسىز ساداقىتىڭنى كۆرسەتتىڭ بىزگە. مەسخىرە قىلىشىپ بىزنى يات خەلقلەر، «قېنى ئۇلارنىڭ خۇداسى» دېيىشەر. بىزنىڭ خۇدايىمىز ئەرشئەلادا تۇرار، نېمە قىلىشنى خالىسا شۇ ئىشنى قىلار. يات خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرى ئالتۇن-كۈمۈش بۇتتۇر پەقەت، ئۇلارنى ئىنسان ئۆز قولىدا قىلىدۇ ئىجاد. ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرى تۇرۇپ سۆزلىيەلمەس، كۆزلىرى تۇرۇپ ھېچنېمىنى كۆرەلمەس. قۇلاقلىرى تۇرسىمۇ ئاڭلىيالماس، بۇرنى تۇرۇپمۇ ھېچنېمىنى پۇرىيالماس. قوللىرى بولسىمۇ، ئۇلار تۇتالماس، پۇتلىرى بولسىمۇ، ماڭالماس. كانايلىرىدىن ئاۋاز چىقىرالماس. بۇتلارنى ياسىغانلار ۋە ئۇلارغا ئۈمىد باغلىغانلار، ئۆزلىرى ئاخىرى بۇتلىرىغا ئوخشاپ قالار. ئەي ئىسرائىل ئەۋلادلىرى، تايىنىڭلار ئىگىمىزگە، ئۇ يۆلەنچۈك، قالقاندۇر سىلەرگە. ئەي ھارۇن جەمەتى، تايىنىڭلار ئىگىمىزگە، ئۇ يۆلەنچۈك، قالقاندۇر سىلەرگە. ئەي پەرۋەردىگارغا ئىخلاسى بارلار، تايىنىڭلار ئىگىمىزگە. ئۇ يۆلەنچۈك، قالقاندۇر سىلەرگە. پەرۋەردىگار بىزنى ياد ئېتەر، ئىسرائىل ئەۋلادىغا بەرىكەت بېرەر، ھارۇن جەمەتىگە بەرىكەت بېرەر. ھەممىسى پەرۋەردىگارغا ئىخلاس قىلسا ئەگەر، كىچىكىدىن-چوڭىغىچە بەرىكەت بېرەر. ئىگىمىزدىن سىلەر ۋە ئەۋلادلىرىڭلارغا، ھەسسىلەپ بەخت-سائادەت ياغقاي دائىما. ياراتقۇچى پەرۋەردىگار ئاسمان ۋە زېمىننى، سىلەرگە ئاتا قىلغاي چەكسىز بەختنى. ئاسمانلار تەئەللۇقتۇر پەرۋەردىگارغا، زېمىننى ئۇ بەرگەن ئىنسانلارغا. ئۆلۈكلەر سۈكۈتتىدۇر قەبرىلىكتە، مەدھىيەلەر بولماس گۆردە ئىگىمىزگە. لېكىن بىز بۈگۈن ۋە تائەبەدكە، رەببىمىزنى تەرىپلەيمىز مەڭگۈگە. ھەمدۇسانا ئوقۇيلى ئىگىمىزگە! مەن سۆيىمەن پەرۋەردىگارنى، چۈنكى ئۇ ئاڭلار نىدايىمنى، ئاڭلار مېنىڭ ئۆتۈنۈشۈمنى. قۇلاق سالغاچ ئۇ ماڭا، ئۆمۈرۋايەت نىدا قىلىمەن ئۇنىڭغا. ئۆلۈم ئاسارەتلىرى چىرمىدى مېنى، گۆرىستان ۋەھىمىسى قاپسىدى مېنى، قايغۇ، ھەسرەت ئىلكىگە ئالدى مېنى. نىدا قىلدىم تىلغا ئېلىپ پەرۋەردىگار نامىنى، «قۇتقۇزغىن دەپ پەرۋەردىگار جېنىمنى.» پەرۋەردىگار شەپقەتلىك، ھەققانىيدۇر، ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىز رەھىمدىلدۇر. پەرۋەردىگار پاناھىدا ساقلايدۇ پاناھسىزنى، ئۇ بېشىمغا كۈن چۈشكەندە قۇتقۇزدى مېنى. ھەي قەلبىم، قايتقىن ئەمدى ئارامگاھىڭغا، چۈنكى پەرۋەردىگار ئىلتىپات ئەيلىدى ماڭا. ئى خۇدا، ساقلىدىڭ ئۆلۈمدىن جېنىمنى، يىغا-زار قىلىشتىن كۆزلىرىمنى، پۇتلىشىپ كېتىشتىن پۇتلىرىمنى. ئى پەرۋەردىگار، سەن ئۈچۈن ياشايمەن پانىي ئالەمدە. شۇنچە خار بولساممۇ يەنىلا، ئىشەنچ باغلىدىم مەن ساڭا. لېكىن دېدىم مەن تەشۋىش ئارا: «يالغانچىدۇر ھەممە ئىنسانلار.» پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا قىلغان ئىلتىپاتىغا، قانداق جاۋاب قىلاي ئۇنىڭغا؟ نىجاتلىق قەدىھىنى سۇندۇم خۇداغا، شۈكۈر ئېيتىپ ئۇنىڭ نامىغا. پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى ئالدىدا، قەسىمىمنى قىلىمەن ئادا. ئۆلۈپ كەتسە تەقۋادار بەندىلىرى، پەرۋەردىگار ئەتىۋارلار ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىنى. ئى پەرۋەردىگار، مەن سېنىڭ قۇلۇڭدۇرمەن، بەرھەق، سېنىڭ پېقىر قۇلۇڭدۇرمەن. ئازاد قىلدىڭ مېنى ئۆزۈڭ ئاسارەتتىن. شۈكۈر قۇربانلىقى سۇنىمەن ساڭا، شۈكۈر ئېيتىمەن نامىڭغا، ئى خۇدا. پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى ئالدىدا، قەسىمىمنى قىلىمەن ئادا. ئىبادەتخانىنىڭ ھويلا-ئاراملىرىدا، ئەي يېرۇسالېم، تۇرۇپ سېنىڭ ئوتتۇراڭدا، قەسىمىمنى قىلىمەن ئادا. ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا. ئەي جاھان ئەھلى، مەدھىيەلەڭلار پەرۋەردىگارنى، ئەي پۈتكۈل قوۋملار، ئالقىشلاڭلار خۇدانى. بۈيۈكتۇر ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتى، مەڭگۈلۈككە داۋام قىلار ۋاپادارلىقى، ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا. شۈكۈر ئېيتىڭلار خۇداغا، شاپائەتلىكتۇر پەرۋەردىگار، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈگە داۋام قىلار. «ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈك» دېسۇن ئىسرائىللار. «ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈك» دېسۇن ھارۇن جەمەتىگە تەۋە بولغانلار. «ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈك» دېسۇن پەرۋەردىگارغا ئىخلاسى بارلار. نىدا قىلدىم پەرۋەردىگارغا كۈن چۈشكەندە بېشىمغا، نىدايىمغا جاۋابەن نىجاتلىق بەردى ماڭا. قورقمايمەن، مەن تەرەپتە پەرۋەردىگار، نېمە قىلالىسۇن مېنى ئىنسانلار! مەن تەرەپتىدۇر يۆلەنچۈكۈم پەرۋەردىگار، كۆز ئالدىمدا مەغلۇپ بولار ماڭا ئۆچ بولغانلار. باشپاناھ قىلماق پەرۋەردىگارنى، ئەۋزەلدۇر يۆلەنچۈك قىلىشتىن ئىنساننى. باشپاناھ قىلماق پەرۋەردىگارنى، ئەۋزەلدۇر تايانچ قىلماقتىن ھاكىملارنى. قورشىۋالغان بولسىمۇ بارلىق يات ئەللەر مېنى، پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمىدە مەغلۇپ قىلدىم مەن ئۇلارنى. شۇنداق، قورشاپ تۇرغان بولسىمۇ ئەتراپىمنى، پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمىدە مەغلۇپ قىلدىم مەن ئۇلارنى. قورشىۋالغان بولسىمۇ ئۇلار مېنى ھەرىلەردەك، ئۆچۈرۈلدى شۇنچە تېزدىن قۇرغاق تىكەن ئوتىدەك. پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمىدە مەغلۇپ قىلدىم مەن ئۇلارنى. يىقىلغىلى تاس قالغانىدىم ئىتتىرىلگەندە، بىراق، مەن يىقىلمىدىم پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمىدە. پەرۋەردىگار مۇناجىتىم ۋە كۈچ-قۇدرىتىم، بولدى ئۇ مېنىڭ نىجاتكارىم. ھەققانىيلارنىڭ چېدىرلىرىدا نىجاتلىق تەنتەنىسى ياڭرىماقتا، پەرۋەردىگارنىڭ كۈچلۈك ئوڭ قولى زەپەر قۇچماقتا. پەرۋەردىگارنىڭ كۈچلۈك ئوڭ قولى غەلىبە قىلماقتا، پەرۋەردىگارنىڭ كۈچلۈك ئوڭ قولى زەپەر قۇچماقتا. مەن ئۆلمەيمەن، بەلكى ياشايمەن، پەرۋەردىگارنىڭ مۆجىزىلىرىنى بايان ئەيلەيمەن. مېنى قاتتىق جازالىغان بولسىمۇ پەرۋەردىگار، ئەمما تاشلاپ قويمىدى ئۆلۈمگە زىنھار. ھەققانىيلار كىرىدىغان دەرۋازىنى ئېچىپ بېرىڭلار ماڭا، مەن كىرىپ، شۈكۈر ئېيتىمەن پەرۋەردىگارغا. دەرۋازىسىدۇر بۇ پەرۋەردىگارنىڭ، كىرىش يولىدۇر ھەققانىيلارنىڭ. ساڭا شۈكۈر ئېيتىمەن خۇدا، چۈنكى ماڭا جاۋاب بېرىپ نىجاتكار بولدۇڭ ماڭا. كېرەكسىز بىلىنگەن تاش تامچىلارغا، ئۇلتاش بولدى قۇرۇلۇشقا. پەرۋەردىگارنىڭ قىلغان ئىشىدۇر بۇ، كۆز ئالدىمىزدا كارامەت بولدى ئۇ. پەرۋەردىگار ياراتقان مۇشۇ كۈندە، خۇشاللىققا تولايلى قىلىپ تەنتەنە. ئى پەرۋەردىگار، ئۆتۈنەي، قۇتقۇزغىن بىزنى، ئۆتۈنەي، مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلغايسەن ئىشىمىزنى. بەخت يار بولغاي پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە، بەخت تىلەيمىز پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىن سىلەرگە. پەرۋەردىگار _ ياراتقۇچىدۇر، بىردىنبىر يېگانىدۇر. ئۇ چاچار نۇرىنى ئۈستىمىزگە. قۇربانلىقنى باغلاڭلار تانىلار بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۇرجەكلىرىگە. سەن مېنىڭ ئىلاھىمسەن، شۈكۈر ئېيتىمەن، سەن مېنىڭ ئىلاھىمسەن، ئۇلۇغلايمەن. شۈكۈر ئېيتىڭلار خۇداغا، شاپائەتلىكتۇر پەرۋەردىگار، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈگە داۋام قىلار. نەقەدەر بەختلىكتۇر دۇرۇس يولدا ماڭىدىغانلار، پەرۋەردىگارنىڭ تەلىملىرى بويىچە ياشايدىغانلار. بەختلىكتۇر يەنە ئۇنىڭ پەرزلىرىنى تۇتۇپ، پۈتۈن قەلبى بىلەن ئۇنىڭغا تەلپۈنىدىغانلار. ناھەقچىلىك قىلماس ئۇلار ئەسلا، ماڭار ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا. پەرۋەردىگار چۈشۈردۈڭ ئەمرلىرىڭنى، ئەستايىدىل ئورۇنداڭلار دەپ ئۇلارنى. قارارلىرىم قەتئىي بولغاي مېنىڭ، پەرمانلىرىڭغا ئەمەل قىلىشقا سېنىڭ. كۆڭۈل بۆلسەم ئەمرلىرىڭگە، قالماسمەن ئەسلا شەرمەندىلىككە. مەدھىيەلەيمەن پاك قەلبىمدىن سېنى، ئۆگەنگىنىمدە ئادىل ھۆكۈملىرىڭنى. پەرمانلىرىڭغا ئەمەل قىلىمەن، مېنى ھەرگىز تاشلىۋەتمىگىن. ياش يىگىت قانداق قىلىپ پاك يولدا ماڭالار؟ ئۇ پەقەت كالامىڭغا ئەمەل قىلغاندا بولار. پۈتۈن قەلبىم بىلەن تەلپۈندۈم ساڭا، ھەق يولۇڭدىن ئېزىشقا يول قويما ماڭا. نىيەت قىلىپ گۇناھكار بولماسلىقنى، ساقلىدىم قەلبىمدە چىڭ سۆزلىرىڭنى. ھەمدۇسانا بولسۇن پەرۋەردىگار ساڭا، ئۆگەتكەيسەن نىزاملىرىڭنى ماڭا. بايان قىلىمەن ھۆكۈملىرىڭنى، جاكارلايمەن تەلىملىرىڭنى. ئادەملەر خۇرسەن بولغاندەك بايلىقلىرىدىن، شادلىنىمەن ئۆزۈم پەرزلىرىڭدىن. چوڭقۇر پىكىر قىلىمەن نىزاملىرىڭ ئۈستىدە، ئويلىنىمەن يول-قەدىمىڭ ھەققىدە. سۆيۈندۈردى نىزامىڭ مېنى، ئۇنتۇمايمەن كالامىڭنى. شەپقىتىڭنى كۆرسەتسەڭ مەن قۇلۇڭغا، شۇندا مەن ھايات ياشاپ، ئەمەل قىلاي كالامىڭغا. ئاچقىن مېنىڭ كۆزلىرىمنى، كۆرەي تەلىملىرىڭدىكى كارامەتلەرنى. مۇساپىرمەن زېمىندا، ئەمرىڭنى يوشۇرما. يۈرىكىم ئېزىلمەكتە، تەلپۈنۈشتىن ھۆكۈمۈڭگە. ئەيىبلەرسەن لەنەتكە ئۇچرىغان تەكەببۇرلارنى، ئەمرىڭدىن ئېزىپ كەتكەن مەغرۇرلارنى. ئېلىپ تاشلا مەندىن خورلۇق، مەسخىرىلەرنى، چۈنكى ئادا قىلىپ كەلدىم پەرزلىرىڭنى. توپلىشىپ ماڭا سۇيىقەست قىلسىمۇ ھۆكۈمرانلار، پېقىر قۇلۇڭ نىزاملىرىڭ ھەققىدە يەنىلا ئويلىنار. پەرزلىرىڭ سۆيۈنىشىمدۇر، ھەم مېنىڭ مەسلىھەتچىمدۇر. قارا تۇپراق قوينىغا ئالماقچى مېنى، ۋەدەڭگە ۋاپا قىلىپ قۇتقۇزغىن ھاياتىمنى. بايان قىلسام ساڭا يۈرگەن يوللىرىمنى، جاۋاب بەردىڭ، ئۆگەت ماڭا نىزاملىرىڭنى. تەلىمىڭنى چۈشىنىشكە قادىر قىل مېنى، شۇندا خىيال قىلالايمەن كارامەت ئىشلىرىڭنى. غەم-غۇسسىلار دەستىدىن ھاردۇق يەتتى جېنىمغا، كالامىڭغا ئاساسەن كۈچ-قۇدرەت بەرگىن ماڭا. ھىيلە-مىكىر يولىدىن نېرى قىل مېنى، ئىلتىپات ئەيلەپ ئۆگەت ماڭا تەلىملىرىڭنى. تاللىدىم مەن ساداقەت يولىنى، كۆز ئالدىمدا تۇتىمەن ھۆكۈملىرىڭنى. پەرۋەردىگار، چىڭ تۇتىمەن پەرزلىرىڭنى، شەرمەندىلىكتە قويمىغىن مېنى. قىزغىن ئادا قىلىمەن سېنىڭ ئەمرلىرىڭنى، چۈنكى شۇنداق قىلىشقا قادىر قىلدىڭ مېنى. پەرۋەردىگار، چۈشەندۈرگىن ئەمرلىرىڭنى، ئاخىرغىچە ئىجرا قىلاي ئۇلارنى. قەلبىمنى يورۇتقايسەن، يولۇڭنى تۇتاي، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئۇلارغا ئەمەل قىلاي. ئەمرلىرىڭگە بويسۇنىدىغان قىلغىن مېنى، چۈنكى سۆيىمەن سېنىڭ يولۇڭدا مېڭىشنى. مايىل قىلماي قەلبىمنى مەنپەئەتلەرگە، بەلكى خۇشتار قىلغىن سېنىڭ پەرزلىرىڭگە. نەزىرىمنى يىراق قىلىپ ساختىلىقتىن، ئۆز يولۇڭ بىلەن مېنى روھلاندۇرغىن. ئەمەلگە ئاشۇرساڭ قۇلۇڭغا بەرگەن ۋەدەڭنى، خەلقلەر تېخىمۇ ھۆرمەتلەر سېنى. قورقىمەن، يىراق قىل مەندىن ھاقارەتلەرنى، بەرھەق، ئەلا بىلىمەن ھۆكۈملىرىڭنى. نەقەدەر تەلپۈنىمەن يوليورۇقلىرىڭغا، مېنى روھلاندۇرغىن ھەققانىيلىقىڭدا. ئى پەرۋەردىگار، كۆرسىتىپ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى، ئاتا قىل ماڭا ۋەدە قىلغان نىجاتلىقىڭنى. شۇندا جاۋاب بېرەلەيمەن ماڭا ھاقارەت قىلغانلارغا، چۈنكى مەن تايىنىمەن پەقەت سېنىڭ كالامىڭغا. بەرگىن ماڭا ھەقىقىي گۇۋاھلىقنىڭ پۇرسىتىنى، باغلىغانمەن پەقەت سېنىڭ ھۆكۈمىڭگە ئۈمىدىمنى. بويسۇنىمەن دائىما تەلىملىرىڭگە، رىئايە قىلىمەن ھەم مەڭگۈگە. مەن ئەركىن، بىخەتەرمەن ھەممە جايلاردا، چۈنكى ئىتائەت قىلىپ كەلدىم يوليورۇقلىرىڭغا. پەرزلىرىڭنى سۆزلەيمەن شاھلار ئالدىدا، رەددىيەگە ئۇچراپ نومۇستا قالماسمەن ئەسلا. ئەمرلىرىڭدىن خۇرسەن بولۇرمەن، ھەم ئۇلارنى شۇنچە سۆيەرمەن. ئەمرلىرىڭنى ھۆرمەتلەپ قولۇم تۇرار كۆكسۈمدە، ئويلىنىمەن مەن سۆيگەن پەرمانلىرىڭ ھەققىدە. ئۇنتۇمىغىن مەن قۇلۇڭغا بەرگەن ۋەدەڭنى _ ماڭا ئۈمىد بېغىشلىغان ئاشۇ كالامىڭنى. ئۇ ماڭا تەسەللىدۇر كۈلپەتتە قالغىنىمدا، يېڭى روھ ئاتا قىلار ۋەدەڭ ماڭا. مەسخىرە قىلسىمۇ مېنى دا‏ئىم تەكەببۇرلار، لېكىن سېنىڭ تەلىملىرىڭدىن ئاغمىدىم زىنھار، ئەسلىسەم قەدىمدىن بۇيانقى ھۆكۈملىرىڭنى، ئى پەرۋەردىگار، بېرەر ئۇلار ماڭا تەسەللىنى. تەرك ئەتكەچ رەزىللەر تەلىملىرىڭنى، باسالمايمەن ئۇلارغا بولغان غەزىپىمنى. يۈرسەممۇ گەر مۇساپىر بولۇپ پانىي دۇنيادا، پەرمانلىرىڭ بولدى ماڭا گۈزەل بىر ناخشا. ئى پەرۋەردىگار، رىئايە قىلىمەن تەلىملىرىڭگە، ياد ئېتىمەن نامىڭنى ھەربىر كېچىدە. رىئايە قىلىپ كەلدىم سېنىڭ يوليورۇقلىرىڭغا، بۇنداق قىلىش بەخت ئېلىپ كەلدى ماڭا. نېسىۋەم دەپ بىلىمەن پەرۋەردىگار بىر ئۆزۈڭنى، ۋەدەم بار چىڭ تۇتۇشقا كالامىڭنى. چىن قەلبىمدىن ئىستەپ كەلدىم شەپقىتىڭنى، كۆرسەت ماڭا ۋەدە قىلغان ئىلتىپاتىڭنى. نەزەر سېلىپ مېڭىۋاتقان يولۇمغا، قەدىمىمنى بۇرىدىم پەرزلىرىڭ تامانىغا، ئالدىرىدىم، ئەمرلىرىڭنى ئىجرا قىلىشقا، ھەم ھېچ ئىككىلەنمىدىم. گەر رەزىللەر چىرمىۋالسىمۇ ئارغامچىلار بىلەن مېنى، ئۇنتۇماسمەن ئەسلا سېنىڭ تەلىملىرىڭنى. ئادالەت بولغاچ ھۆكۈملىرىڭدە ھەمدۇسانا ئوقۇيمەن ساڭا، ئورنۇمدىن تۇرۇپ يېرىم كېچىدە. دوستتۇرمەن ساڭا ئىخلاس قىلغانلارغا، شېرىكمەن يوليورۇقلىرىڭغا رىئايە قىلىدىغانلارغا. مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭگە تولغاندۇر زېمىن، ئى پەرۋەردىگار، نىزاملىرىڭنى ماڭا ئۆگەتكىن. ئۆزۈڭ بەرگەن ۋەدەڭگە ئاساسەن، قۇلۇڭغا ياخشىلىق قىلدىڭ سەن. ئەقىل ۋە بىلىم بەرگەيسەن ماڭا، چۈنكى مەن ئىشەندىم پەرمانلىرىڭغا. ئازغۇن ئىدىم سەن مېنى جازالاشتىن ئىلگىرى، چىڭ تۇتىمەن ئېسىمدە ئەمدى سېنىڭ سۆزۈڭنى. نەقەدەر شاپائەتلىكسەن، ئايىمىدىڭ ياخشىلىقىڭنى، ئۆگەتكىن ماڭا نىزاملىرىڭنى. تەكەببۇرلار چاپلىسىمۇ يالغاندىن بوھتان ماڭا، ئەمما چىن قەلبىمدىن بويسۇنىمەن يوليورۇقلىرىڭغا. بىخۇدلاشقان ئۇلارنىڭ قەلبى ئەزەلدىن، مەن بولسام سۆيۈنىمەن تەلىمىڭدىن. تارتقان جاپالىرىم پايدىلىق بولدى ماڭا، چۈنكى مېڭىشنى ئۆگەندىم پەرمانلىرىڭ يولىدا. ئېيتقان تەلىملىرىڭنى بىلىمەن ئەلا، مىڭلىغان ئالتۇن-كۈمۈشتىن ھەتتا. قوللىرىڭ ياراتتى، ياسىدى مېنى، ئەقىل بەر ماڭا، چۈشىنەي ئەمرلىرىڭنى. مېنى كۆرۈپ خۇش بولار ئىخلاسى بارلار ساڭا، چۈنكى مەن ئۈمىدىمنى باغلىغانمەن كالامىڭغا. بىلىمەن ھۆكۈملىرىڭنىڭ ئادىللىقىنى، ساداقىتىڭ بىلەن جازالىدىڭ مېنى. بەرگەن ۋەدەڭ بويىچە مەن قۇلۇڭغا، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ تەسەللى بولسۇن ماڭا. رەھىم قىلىپ، ساقلىغايسەن ھاياتىمنى، شادلىقىم دەپ بىلىپ كەلدىم تەلىملىرىڭنى. شەرمەندە بولسۇن تەكەببۇرلار، سەۋەبسىزلا ماڭا ناھەقچىلىك قىلغانلار، ئويلىرىم پەقەت تەلىملىرىڭ ھەققىدە بولار. ساڭا ئىخلاس قىلىدىغانلار كەلسۇن يېنىمغا، پەرزلىرىڭنى ئۆگىتىمەن ئۇلارغا. سەمىمىي ئىجرا قىلاي پەرمانلىرىڭنى، شەرمەندىلىكتە قويماس ئۇلار مېنى. زارىقىمەن نىجاتلىقىڭغا، ئۈمىدىمنى باغلىغاچ كالامىڭغا. سېنى «قاچان تەسەللى بېرەركىن» دەپ، زارىقىشتىن تالدى كۆزلەر ۋەدە كۈتۈپ. ئوخشاپ قالساممۇ گەر ئىستا قۇرىغان كېرەكسىز تۇلۇمغا، ھەر دەم چىڭ ساقلىدىم پەرمانلىرىڭنى يادىمدا. قاچانغىچە كۈتكۈزەرسەن مەن قۇلۇڭنى، قاچانلىققا جازالارسەن ماڭا زىيانكەشلىك قىلغانلارنى؟ تەكەببۇرلار مەن ئۈچۈن ئورا كولار، ئۇلار سېنىڭ تەلىمىڭگە قارشى چىقار. ئىشەنچلىكتۇر ئەمرلىرىڭنىڭ ھەممىسىلا، ياردەم قىل، دۈشمەنلەر سەۋەبسىز زىيانكەشلىك قىلماقتا ماڭا. يەر يۈزىدىن يوق قىلاي دەپ قالسىمۇ ئۇلار مېنى، ئەمما تەرك ئەتمىدىم يوليورۇقلىرىڭنى. روھلاندۇرغىن مېنى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭدە، بويسۇناي سېنىڭ بەرگەن پەرزلىرىڭگە. ئى پەرۋەردىگار، كالامىڭ مەڭگۈلۈكتۇر، ئۇ ئەرشتە مۇكەممەل پۈتۈلگەندۇر. ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە بىلدۈردۈڭ ساداقىتىڭنى، ئورناتتىڭ ئۆز ئورنىغا مۇستەھكەم قىلىپ يەرنى. ئەمرىڭ بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا پۈتۈن دۇنيا، چۈنكى پۈتكۈل مەۋجۇدات قۇلدۇر ساڭا. شادلانمىغان بولسام ئەگەر تەلىملىرىڭدىن، ھالاك بولار ئىدىم ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن. ئۇنتۇماسمەن ئەسلا سېنىڭ يوليورۇقلىرىڭنى، چۈنكى ئۇلار روھلاندۇردى ھاياتىمنى. مەن ساڭا مەنسۇپتۇرمەن، قۇتقۇز مېنى، چۈنكى ئىجرا قىلىپ كەلدىم يوليورۇقلىرىڭنى. پەيت كۈتسىمۇ رەزىللەر ۋەيران قىلماققا مېنى، ئەمما دىلىمدا ساقلايمەن يەنىلا پەرزلىرىڭنى. كۆردۈم مەن چەكلىكلىكىنى ھەممە نەرسىنىڭ، ئەمما كەمتۈكى يوقتۇر ئەمرلىرىڭنىڭ. شۇ قەدەر سۆيىمەن تەلىملىرىڭنى، ياد ئېتىمەن كۈنبويى ئۇلارنى. رەقىبىمدىن دانا بولدۇم ئەمرىڭ بىلەن، چۈنكى تەلىمىڭ بىرگە بولغاچ دائىم مەن بىلەن. ئەقىل-ئىدراك ئۇستازلىرىمدىن كۆپرەك بولدى مەندە، چۈنكى چوڭقۇر تەپەككۇر قىلدىم ئەمرلىرىڭ ھەققىدە. ئاقساقاللاردىنمۇ دانالىقراق بولدۇم، چۈنكى يوليورۇقلىرىڭغا بويسۇندۇم. ئەلا بىلىپ كالامىڭغا ئەگىشىشنى، رەت قىلىپ كەلدىم ھەممە رەزىللىكنى. ھۆكۈملىرىڭدىن قېيىپ كەتمىدىم، چۈنكى ئۆزۈڭ بەرگەنسەن تەلىم. كالامىڭ شېرىن تېتىدى تىلىمغا، ھەسەلدىن تاتلىق تۇيۇلدى ئاغزىمغا. دانا بولۇرمەن يوليورۇقلىرىڭدىن، نەپرەتلىنىمەن شۇڭا ساختا يوللاردىن. چىراغ بولۇپ كالامىڭ پۇتلىرىمغا، نۇر بېرەر ئۇ يوللىرىمغا. قەسەم ئىچتىم، سادىقمەن قەسىمىمگە، بويسۇنىمەن ئادىل ھۆكۈملىرىڭگە. قالدىم مەن قىيىنچىلىق، مۈشكۈللۈكتە، ئى پەرۋەردىگار، روھلاندۇر مېنى ۋەدەڭ بويىچە. قوبۇل قىل چىن دىلىمدىن چىققان مەدھىيەلىرىمنى، ئى پەرۋەردىگار، ئۆگەتكىن ماڭا تەلىملىرىڭنى. ھاياتىم بولسىمۇ دائىم خەۋپ ئاستىدا، ئەمما تەلىملىرىڭنى ئۇنتۇماسمەن ئەسلا. تۇزاق قۇرسىمۇ مەن ئۈچۈن گەرچە رەزىللەر، يوليورۇقلىرىڭدىن چىقماسمەن زىنھار. مەڭگۈلۈك مىراستۇر ماڭا پەرزلىرىڭ، شۈبھىسىزكى، شادلىقىدۇر ئۇلار قەلبىمنىڭ. قارارىم بار بويسۇنۇشقا، ئاداققىچە نىزاملىرىڭغا. ئۆچ كۆرىمەن ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى، بىراق، سۆيىمەن سېنىڭ تەلىملىرىڭنى. باشپاناھ، قالقاندۇرسەن ماڭا، ئۈمىدىم باردۇر سېنىڭ كالامىڭدا. كۆز ئالدىمدىن يوقىلىڭلار، ئەي يامانلىق قىلغۇچىلار، خۇدايىمنىڭ ئەمرىگە بويسۇنماققا قارارىم بار. ئۆزۈڭ ۋەدە قىلغىنىڭدەك يار-يۆلەك بول ھاياتىمغا، شەرمەندە قىلىپ، قويما مېنى ئۈمىدسىز ھالغا. يۆلەنچۈك بولغىن ماڭا، شۇندا ئېرىشەي نىجاتلىققا، ھەم كۆڭۈل بۆلەي سېنىڭ پەرمانلىرىڭغا دائىما. نەزىرىڭدە ئەرزىمەستۇر پەرمانىڭدىن تايغانلار، بىھۇدىدۇر قانچىلىك نەيرەڭۋازلىق قىلسىمۇ ئۇلار. ئەخلىتىنى ئايرىغاندەك ئوتتا تاۋلاپ ئالتۇننى، يوق قىلىسەن يەر يۈزىدىن رەزىللەرنىڭ ھەممىسىنى، مەن سۆيىمەن سېنىڭ بارلىق پەرزلىرىڭنى. ۋۇجۇدۇم تىترەر قورقۇپ سېنىڭدىن، ۋەھىمىگە چۈشىمەن ھۆكۈملىرىڭدىن. قىلدىم ئادىل، توغرا ئىشلارنى، زالىملارنىڭ قولىغا قالدۇرما مېنى. كاپالەت بەرگىن مەن قۇلۇڭنىڭ بەختىگە، يول قويما تەكەببۇرلارنىڭ مېنى ئېزىشىگە. كۆزلىرىم تالدى سېنىڭ نىجاتلىقىڭغا تەلمۈرۈپ، ئىشەنچلىك ۋەدەڭنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى كۈتۈپ. مەن قۇلۇڭغا يەتكۈزۈپ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى، ئۆگەت ماڭا نىزاملىرىڭنى. ئەقىل-ئىدراك بەرگىن مەن قۇلۇڭغا، پەرزلىرىڭنى چۈشىنەلەيمەن شۇندىلا. ئى پەرۋەردىگار، ۋاقتىڭ كەلدى ھەرىكەت قىلىشقا، چۈنكى خەلق بويسۇنمىدى قانۇنلىرىڭغا. بەرھەق، ئالتۇندىن ئەلا بىلىمەن ئەمرلىرىڭنى، ھەتتا ساپ ئالتۇندىن ئارتۇق كۆرىمەن ئۇلارنى. ئادىل دەپ قارايمەن پەرمانلىرىڭنى، ئۆچ كۆرىمەن بارلىق ساختىلىقلارنى. پەرزلىرىڭ بولغاچ سېنىڭ بىباھا، بويسۇنىمەن شۇڭا مەن ئۇلارغا. كالامىڭنىڭ مەنىسى يېشىلگەندە، نۇر چاچار يولىمىزغا، ئەقىل-ئىدراك بېرەر ئۇ ساددا ئىنسانلارغا. نەپسىمنى قىسار مېنىڭ تەقەززالىق، چۈنكى باردۇر ئەمرىڭگە ئىنتىزارلىق. ھالىمدىن خەۋەر ئالغىن كۆرسىتىپ شەپقىتىڭنى، نامىڭنى سۆيگەنلەرگە كۆرسەتكەندەك مېھرىڭنى. ۋەدەڭ بار مەزمۇت قىلماقلىققا قەدىمىمنى، ماڭا خوجا قىلىپ قويما ھېچبىر گۇناھنى. ئىنسانلار زۇلمىدىن قۇتقۇز مېنى، چىڭ تۇتاي سېنىڭ يوليورۇقۇڭنى. جامالىڭنىڭ نۇرىنى چېچىپ ماڭا، پەرمانلىرىڭنى ئۆگەتكىن مەن قۇلۇڭغا. خەلقلەر بويسۇنمىغاچ قانۇنۇڭغا، كۆز يېشىم دەريا بولۇپ ئاقماقتا. ئى پەرۋەردىگار، ئادىلسەن ئۆزۈڭ، ھەققانىي ھەم ھۆكۈملىرىڭ. ئادىلدۇر بۇيرۇغان پەرزلىرىڭ، ئىشەنچلىكتۇر ھەممىسى ئۇلارنىڭ. غەزەپلىرىم كۆيدۈرمەكتە تېنىمنى، رەقىبلىرىم مەنسىتمىگەچ سۆزۈڭنى. ئىشەنچلىك بولغاچقا ۋەدىلىرىڭ سېنىڭ، سۆيەر ئۇلارنى شۇنچىلىك، مەنكى قۇلۇڭ. خارلانساممۇ كېرەكسىز ئىنسان بولۇپ، قالماسمەن يوليورۇقلىرىڭنى ئەسلا ئۇنتۇپ. مەڭگۈلۈكتۇر ئادالىتىڭ، ھەقىقەتتۇر تەلىملىرىڭ. كەلگىنىدە بېشىمغا ئازاب ۋە كۈلپەت، ئەمرلىرىڭ بولدى ماڭا شادلىق ئۈلپەت. پەرزلىرىڭ ئادىلدۇر تائەبەدكە، روھلىناي مەن، نۇر ئاتا قىل قەلبىمگە. ئى پەرۋەردىگار، چىن قەلبىمدىن نىدا قىلىمەن ساڭا، بويسۇنىمەن پەرمانلىرىڭغا، جاۋاب بەر ماڭا. ئىلتىجا قىلىمەن، قۇتقۇزغىن مېنى، چىڭ تۇتاي شۇندا پەرزلىرىڭنى. پەرياد قىلىمەن مەدەت تىلەپ سۈبھىدە، ئۈمىدىمنى باغلىغاچقا پەقەت سېنىڭ سۆزۈڭگە. كىرپىك قاقماي چىقىمەن كېچىچە، ئويغا پېتىپ سېنىڭ ۋەدەڭ ھەققىدە. مۇھەببەتلىك پەرۋەردىگار، ئاڭلىغايسەن ئاۋازىمنى، ئادالەتلىك پەرۋەردىگار، قۇتقۇزغىن ھاياتىمنى. يېقىنلاپ كەلمەكتە ماڭا رەزىل ئىنسانلار، تەلىملىرىڭدىن يىراقتۇر ئۇلار. ئى پەرۋەردىگار، يېقىنسەن ماڭا، ئەمرلىرىڭنىڭ ھەممىسى توغرا. ئۇزۇندىن بېرى بىلدىمكى شۇنى، پەرزلىرىڭنىڭ مەڭگۈلۈكىنى. نەزەر سېلىپ ئازابلىرىمغا، قۇتقۇزغىن مېنى، ئۇنتۇمىدىم مەن سېنىڭ تەلىملىرىڭنى. دەۋايىمنى قوللىغىن، قۇتقۇزغىن مېنى، ۋەدەڭ بويىچە ساقلىغىن ھاياتىمنى. رەزىل ئىنسانلار نىجاتسىز قالار، ئېتىبار بەرمىگەچ ئەمرلىرىڭگە ئۇلار. پەرۋەردىگار، مېھىر-شەپقەت مولدۇر سېنىڭدە، مېنى روھلاندۇرغىن دېگىنىڭدەك ھۆكۈمۈڭدە. بولسىمۇ گەر شۇنچە كۆپ زىيانكەشلىك قىلغۇچىلار، پەرزلىرىڭدىن يۈز ئۆرۈمەسمەن زىنھار. نەپرەتلىنىمەن ئىتائەتسىزلەرگە، رىئايە قىلمىغاچ سۆزلىرىڭگە. نەقەدەر سۆيىمەن-ھە، سېنىڭ يوليورۇقلىرىڭنى، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ بىلەن روھلاندۇر مېنى. كالامىڭنىڭ ئاساسى ھەقىقەتتۇر، ھۆكۈملىرىڭ ئادىل، مەڭگۈگە داۋام قىلۇر. سەۋەبسىزلا زىيانكەشلىك قىلسىمۇ ھۆكۈمدارلار، قەلبىم پەقەت كالامىڭدىن قورقۇپ تۇرار. كالامىڭدىن سۆيۈنۈپ كەلدىم شۇنچە، ئېرىشكەندەك غايەت زور خەزىنىگە. يىرگىنىمەن يالغانچىلىقتىن، سۆيۈنىمەن تەلىمىڭدىن. ساڭا ھەر كۈن يەتتە ۋاق مەدھىيەم بار، بەرھەق، ھەممە ھۆكۈمۈڭگە ئادىللىق يار. تەلىمىڭنى سۆيگەنلەرگە ئامانلىق بولار، ھېچ نەرسىگە پۇتلىشىپ يىقىلماس ئۇلار. ئى پەرۋەردىگار، تەلمۈرۈپ كۈتىمەن نىجاتلىقىڭنى. ئىجرا قىلىپ كەلدىم مەن سېنىڭ ئەمرلىرىڭنى. پەرزلىرىڭگە رىئايە قىلىمەن، ھەم ئۇلارنى قىزغىن سۆيىمەن. بويسۇنىمەن پەرزلىرىڭ، نىزاملىرىڭغا، بەرھەق، ھەممە ئەمەللىرىم ئاياندۇر ساڭا. پەرۋەردىگار قۇلاق سالغىن ئاھۇزارىمغا، ۋاپا قىلىپ ۋەدەڭگە ئىدراك بەرگىن ماڭا. ئاڭلىغايسەن پەرۋەردىگار ئىلتىجايىمنى، ۋاپا قىلىپ كالامىڭغا قۇتقۇزغىن مېنى. لەۋلىرىمدىن ئۇرغۇپ چىقار ھەمدۇسانا، چۈنكى سەن ئەمرلىرىڭنى ئۆگەتتىڭ ماڭا. كالاملىرىڭ كۈيلىنەر تىللىرىمدا، چۈنكى باردۇر ئادىللىق بۇيرۇقۇڭدا. تەييار قىلغىن ياردەمگە قولۇڭنى، چۈنكى مەن تاللىغانمەن يولۇڭنى. نىجاتلىقىڭغا تەشنامەن پەرۋەردىگار، تەلىمىڭدىن قەلبىم مېنىڭ شادلىققا تولار. ئىلھام بەر ماڭا، ھەمدۇسانا ئوقۇي ساڭا، ھۆكۈملىرىڭ ياردەم قىلسۇن ماڭا. ئاداشتىم قوي كەبى يولۇمدىن، ئىزدە قۇلۇڭنى، چۈنكى مەن ئۇنتۇماسمەن ئەمرلىرىڭنى. نىدا قىلسام پەرۋەردىگارغا، كۈلپەتتە قالغىنىمدا، ئۇ جاۋاب بەردى ماڭا. «قۇتقۇزغىن مېنى ئى خۇدا، يالغانچى لەۋلەردىن، ئالدامچى تىللاردىن» دەپ ئىلتىجا قىلدىم ئۇنىڭغا. ئەي يالغانچى تىل! قانداق ئۇرار سېنى خۇدا؟ بېرەر ساڭا قانداق جازا؟ باتۇرلارنىڭ ئوقلىرى تېگەر، ئارچىلارنىڭ چوغلىرى كۆيدۈرەر. ھالىمغا ۋاي، مۇساپىر بولدۇم مەشەك دىيارىدا، بەختسىز بولدۇم قېدارلارنىڭ چېدىرىدا. تويدۇم ياشاشتىن بۇ يەردە، تىنچلىققا ئۆچ خەلق ئارىسىدا. سۆيۈپ مەن تىنچلىقنى، دېسەممۇ «تىنچلىقتا ياشايلى» گەر، بىراق ئۇلار «ئۇرۇشايلى» دەر. كۆزلىرىمنى تىكىمەن تاغلارغا، قەيەردىن كېلەر دەپ ياردەم ماڭا. پەرۋەردىگارلا قىلار ياردەمنى، ئۇ ياراتقاندۇر ئاسمان-زېمىننى. ساقلار ئۇ تېيىلىشتىن پۇتلىرىڭنى، سەگەك تۇرۇپ قوغدايدۇ سېنى. بىلگىنكى، قوغدىغۇچى ئىسرائىللارنى، ئۇخلىماس، تەرك ئەتكەندۇر ئۇيقۇنى. قوغدىغۇچىڭدۇر پەرۋەردىگار، ئوڭ يېنىڭدا سايىۋەن بولۇپ تۇرار. زەرەر يەتكۈزەلمەس ساڭا زىنھار، ئاي ۋە قۇياش، كېچە ۋە كۈندۈز. يامانلىقلاردىن قوغدايدۇ پەرۋەردىگار، ھەم جېنىڭنى ئۇ ئامان قىلار. نەزەر سېلىپ پەرۋەردىگار يۈرۈش-تۇرۇشۇڭغا، بۈگۈندىن تائەبەدكىچە ئالار سېنى ئۆز پاناھىغا. شادلانغانىدىم، دېگىنىدە كىشىلەر ماڭا: «بارايلى خۇدانىڭ ئۆيى _ ئىبادەتخانىغا.» ئەي يېرۇسالېم، دەرۋازاڭنىڭ ئىچىدە تۇرىمىز ئەمدى مانا! يېرۇسالېم _ رەتلىك سېلىنغان پۇختا بىر شەھەر. كېلەر قوۋملار، پەرۋەردىگارنىڭ قوۋملىرى ئۇنىڭغا، كېلەر بېرىلگەن پەرمان بويىچە ئىسرائىلغا، شۈكۈر ئېيتىدۇ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا. ئەي يېرۇسالېم، ھۆكۈم چىقىرىلسۇن دەپ سەندە، تەخت سېلىندى داۋۇت جەمەتىدىكىلەرگە. يېرۇسالېمنىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن مۇنداق دۇئا ئوقۇلسۇن: «سېنى سۆيگەنلەر روناق تاپسۇن، قورغان ئىچى ئامان بولسۇن، ئوردىلىرى ئاۋات بولسۇن!» قېرىنداش ۋە دوستلىرىم سەندە تۇرغاچقا، تىلەيمەن: «تىنچلىق بولسۇن يېرۇسالېمدا». پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئۆيى سەندە بولغاچقا، ئەي يېرۇسالېم، بەخت تىلەيمەن ساڭا. ئەرش تەختىدە ئولتۇرغۇچى ئى خۇدا، تەلمۈرۈپ كۆزلىرىمنى تىكىمەن ساڭا. كۆزلىرىمىز تىكىلگەندۇر خۇدايىمىز _ پەرۋەردىگارغا، قۇللارنىڭ كۆزلىرى كەبى تىكىلگەن قۇلدارنىڭ قوللىرىغا، دېدەكنىڭ كۆزلىرى كەبى تىكىلگەن ئاغىچا خېنىمنىڭ قوللىرىغا. تاكى بىزگە شەپقىتىنى كۆرسەتكىچە تەلمۈرىمىز پەرۋەردىگارغا. ئى پەرۋەردىگار، شەپقەت قىل، شەپقەت قىل بىزگە، چۈنكى تارتقان خورلۇقلىرىمىز يېتىپ ئاشقۇچە. مازاقلىرىغا قالدۇق تولىمۇ باغرى تاشلارنىڭ، خورلۇقىنى تارتتۇق خويمۇ ھاكاۋۇرلارنىڭ. «ئەگەر ئىگەم بىز تەرەپتە تۇرمىغان بولسا»، ئاھ ئىسرائىللار، شۇنداق دەڭلار! ئېيتايلى پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا، يەم قىلمىدى بىزنى ئۇلارنىڭ چىشلىرىغا. قېچىپ چىقتۇق قۇش كەبى بىز ئۇلارنىڭ قاپقىنىدىن، تۇزىقى بۇزۇلۇپ، قاچتۇق ئۇلارنىڭ چاڭگىلىدىن. بىزگە ياردەم بەرگەن پەرۋەردىگاردۇر، ئۇ ئاسمان-زېمىننى ياراتقۇچىدۇر. سىئون تېغى تەۋرەنمەي، مەڭگۈگە مەزمۇت تۇرار، سىئونغا ئوخشار، ئۈمىدىنى پەرۋەردىگارغا باغلىغانلار. تاغلار قورشاپ تۇرغاندەك يېرۇسالېمنى، پەرۋەردىگار قورشاپ تۇرار ئۆز خەلقىنى، تا ئەبەدكىچە قوغداپ ئۇلارنى. بولىۋەرمەس ھۆكۈمرانلىق ھاسىسى پاسىقلاردا، ھەققانىيلارغا رىزىق قىلىپ بېرىلگەن بۇ زېمىندا، رەزىللەر ھۆكۈمرانلىق قىلسا ھەققانىيلار ئۈستىدە، ھەققانىيلارمۇ ئايلىنىپ كېتەر رەزىللەرگە. ئى پەرۋەردىگار، مېھرىڭنى بەرگىن دائىما، ياخشىلار ۋە قەلبى پاكلارغا. ئادىشىپ كەتكەنلەرنى ئەگرى يوللارغا، جازالايدۇ پەرۋەردىگار رەزىللەرگە قوشۇپلا، تىنچ-ئامانلىق بولغاي ئىسرائىللارغا. پەرۋەردىگار سۈرگۈندىكىلەرنى قايتۇرۇپ كەلگەندە سىئونغا، بولۇپ قالغانىدۇق بىز خۇددى چۈش كۆرۈۋاتقاندەكلا. خۇشاللىقتىن ئاغزىمىز يېتىپ قۇلىقىمىزغا، چۇقانلار كۆتەرگەنىدۇق شادلىقتا. ‏ «پەرۋەردىگار زور بىر ياخشىلىق قىلدى ئۇلارغا»، دېگەن سۆزلەر تارقالغانىدى يات ئەللەر ئارىسىدا. دەرۋەقە پەرۋەردىگار زور ياخشىلىق قىلدى بىزگە، شاد-خۇراملىق تولدى بىزنىڭ قەلبىمىزگە. روناق تاپقان ۋاقتىمىزغا قايتۇر بىزنى، ئى پەرۋەردىگار، توساتتىن سۇغا تولغاندەك جەنۇبتىكى قۇرۇق ئېرىقلار. يىغلاپ تۇرۇپ ئۇرۇق چاچقانلار، ناخشا بىلەن ھوسۇل يىغار. دۈمبىسىگە ئارتىپ ئۇرۇق خالتىسىنى، يىغا بىلەن كەتكەن كىشى، قايتىپ كېلەر ناخشا بىلەن، ئورىغان باغلاملىرىنى كۆتۈرگەن پېتى. ئۆينى سالمىسا ئۆزى پەرۋەردىگار، ئۆي سالغۇچىلارنىڭ ئەجرى بىكار كېتەر. ناۋادا شەھەرنى قوغدىمىسا پەرۋەردىگار، بىھۇدىدۇر ئويغاق تۇرسىمۇ قاراۋۇللار. بىكاردۇر نان ئۈچۈن جاپا تارتقىنىڭلار ئەنسىرەپ سەھەر تۇرۇپ كەچ ياتقىنىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز سۆيگەنلىرىگە كېچە ياتقاندىمۇ رىزقىنى ئاتا قىلار. پەرۋەردىگارنىڭ سوۋغىتىدۇر پەرزەنتلەر، ئۇنىڭ بەرگەن ئىلتىپاتىدۇر ھامىلىلەر. تاپقان ئوغۇللىرى ئادەمنىڭ ياشلىقىدا، ئوخشار پالۋاننىڭ قولىدىكى ئوقلىرىغا. بەختلىكتۇر سادىقىنى تولدۇرغانلار مۇشۇنداق ئوقلارغا، چۈنكى ئۇلار مۇنازىرىلەشكەندە شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا، يېڭىلىپ، شەرمەندە بولماس قارشىلاشقانلارغا. نەقەدەر بەختلىكتۇر پەرۋەردىگارغا ئىخلاسى بارلار، نەقەدەر بەختلىكتۇر ئۇنىڭ يولىدا ماڭغانلار. بەرھەق، مېھنىتىڭلارنىڭ مېۋىسىنى يەيسىلەر، روناق تېپىپ، بەختىيار بولىسىلەر. ئايالىڭلار ئوخشار مول مېۋە بەرگەن ئۈزۈم تېلىغا، زەيتۇن شېخىدەك كۆپ بولار بالىلىرىڭلار يېنىڭلاردا، داستىخىنىڭلارنى چۆرىدەپ ئولتۇرار ئۇلار ئەتراپىڭلاردا. مانا شۇنداق بەرىكەت تاپار پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەن ئادەم. پەرۋەردىگار سىئوندىن ئاتا قىلسۇن ساڭا بەختنى، كۆرگەيسەن ئۆمۈر بويى روناق تاپقان يېرۇسالېمنى. ئۆمرۈڭ يەتكەي بالاڭنىڭ بالىلىرىغا، تىنچ-ئامانلىق بولغاي ئىسرائىللارغا. «ياشلىقىمدىن تارتىپ ماڭا كۆپ قېتىم زىيانكەشلىك قىلىپ كەلگەنىدى ئۇلار.» ئاھ ئىسرائىللار، شۇنداق دەڭلار! «ياشلىقىمدىن تارتىپ ماڭا كۆپ قېتىم زىيانكەشلىك قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ ئۇلار، بىراق غەلىبە قىلالمىدى ئۈستۈمدىن زىنھار.» قوشچى يەرنى چوڭقۇر ئاغدۇرغان كەبى، قامچىدا ئۇلار دۇمبەمگە ئىزلار سالدى. ئادالەتلىك، ھەققانىيدۇر پەرۋەردىگار، رەزىللەرنىڭ ئاسارىتىنى ئۇ سۇندۇرار. سىئونغا نەپرەت بىلەن قارايدىغانلار، رەسۋا قىلىنىپ ئارقىسىغا چېكىندۈرۈلسۇن. خۇددى ئۆگزىدە ئۈنۈپ قالغان چۆپلەردەك ئورۇلماي تۇرۇپ ئۇلار سولۇشۇپ قالسۇن. چۆپ ئورىغۇچى چۆپنى يىغسا بىر تۇتاممۇ چىقمىسۇن. چۆپ باغلىغۇچى باغلىسا بىر باغلامغا توشمىسۇن. يولدىن ئۆتكەنلەر دېمەس بۇ قۇتلۇق تىلەكنى ئۇلارغا: «ئىگىمىز بەرىكەت بەرسۇن ئىشىڭلارغا، سىلەرگە بەخت تىلەيمىز پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا.» ئەگەر خۇدا پۈتۈپ قويساڭ پۈتۈكۈڭگە بىزنىڭ قىلغان گۇناھ ۋە قىلمىشىمىزنى، قۇتقۇزالار جازايىڭدىن كىم ئۆزىنى؟ بىراق كەچۈرۈم بولغاچ سەندە، ساڭا ئىخلاس باردۇر بىزدە. كۈتمەكتىمەن پەرۋەردىگارنى تەلمۈرۈشتە، ۋۇجۇدۇمدا ئۈمىد بولغاچ ئۇنىڭ سۆزىگە. سەھەرگە تەشنا بولغان كېچىلىك كۆزەتچىنىڭ زارىقىشىدەك كۈتمەكتىمەن ئىگەمنى قېتىدىن يۈرىكىمنىڭ. ئەي ئىسرائىللار، ئۈمىد باغلاڭلار پەرۋەردىگارغا، چۈنكى مەڭگۈلۈك مۇھەببەت باردۇر ئۇنىڭدا، تەييار تۇرغاندۇر ئۇ بىزنى قۇتقۇزۇشقا. پەقەت پەرۋەردىگار قۇتقۇزار ئىسرائىللارنى، گۇناھلىرىنىڭ جازاسىدىن خالاس قىلىپ ئۇلارنى. ئى پەرۋەردىگار، تەكەببۇرلۇق يوقتۇر كۆڭلۈمدە، ھاكاۋۇرلۇق قىلماسمەن قىلچە. ئارىلاشمايمەن قۇربىم يەتمەس ئىشلارغا، كىرىشمەيمەن بۈيۈك ئارزۇ-ئارمانلارغا. سۈتكە تويغان بالىدەك ئانىسىنىڭ باغرىدا، كۆڭلۈم تىنىپ، تىنچلاندى تېنىم، بەرھەق، سۈتكە تويغان بالىدەك ئارام تاپتىم. ئەي ئىسرائىللار، ئەبەدىي ئۈمىد باغلاڭلار پەرۋەردىگارغا. پەرۋەردىگار ئەسكە ئالغايسەن داۋۇتنى، ئۇنىڭ تارتقان جەبىر-زۇلۇم، جاپالىرىنى. قەسەم ئىچىپ پەرۋەردىگارغا، ئۇ مۇنداق ۋەدىلەرنى بەرگەنىدى، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان قادىر خۇداغا: «كىرمەسمەن ئۆيۈمگە، ياتماسمەن ئورنۇمدا. ئۇخلىماسمەن، مۈگدىمەسمەن ھەتتا، تاكى تەييار قىلمىغۇچە ياقۇپنىڭ قۇدرەتلىك خۇداسى _ پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش جايىنى.» ئەھدە ساندۇقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئەفراتادا ئاڭلىغانىدۇق، بىز ئۇ ساندۇقنى يائىر دالالىرىدىن تاپتۇق. خۇدا بىلەن ئۇچرىشىدىغان جايغا بارايلى، ئۇنىڭ پۇتلىرى ئاستىدا سەجدە قىلايلى. ئى پەرۋەردىگار، مەرھەمەت ئىبادەتخاناڭغا _ ساڭا ئاتالغان ئارامگاھىڭغا. كىرگەيسەن قۇدرىتىڭ نىشانى بولغان ئەھدە ساندۇقى بىلەن بىرگە. ھەققانىيلىق روھانىيلارغا كىيىم بولسۇن، تەقۋادار خەلقلىرىڭ شادلىققا تولسۇن. قىلىپ قۇلۇڭ داۋۇتنىڭ ھۆرمىتىنى، رەت قىلمىغىن ئۆزۈڭ تىكلىگەن پادىشاھىڭنى. قايتۇرۇۋالماس پەرۋەردىگار ۋەدىسىنى، داۋۇتقا بەرگەن مۇنۇ قەسىمىنى: «ۋارىس قىلىمەن تەختىڭگە، ئۆز پۇشتۇڭدىن بولغان بىرسىنى. ئوغۇللىرىڭ رىئايە قىلسا ئەھدەمگە، بويسۇنسا مەن قىلغان بارلىق ئەمرگە، ئولتۇرار ئوغۇللىرىمۇ تەختىڭدە ئەبەدكە.» شۇنداق، پەرۋەردىگار تاللىغاندۇر سىئوننى، بىز بىلەن ئۇچرىشىشقا خالىغاندۇر بۇ يەرنى. «ئارامگاھىم بۇ مېنىڭ، مەڭگۈگىدۇر ئۇ مېنىڭ ماكانىم، خالىغانمەن بۇ يەرنى مەن ئۆزۈم. بەرھەق، سىئوننى روناق تاپقۇزىمەن، يوقسۇللىرىنىڭ قورساقلىرىنى توق قىلىمەن. كىيدۈرىمەن روھانىيلىرىغا نىجاتلىق تونىنى، ياڭرىتىدۇ تەقۋادارلىرى تەنتەنىلىك ئاۋازنى. كۈچلۈك قىلىمەن بۇ يەردە داۋۇت نەسلىنى، ياندۇرىمەن ئۆزۈم تاللىغاننىڭ ئۆمۈر چىرىغىنى. كىيدۈرىمەن دۈشمەنلىرىگە شەرمەندىلىك تونىنى، پارلاق قىلىمەن داۋۇتنىڭ بېشىدىكى تاجىنى.» قاراڭلار، نەقەدەر گۈزەل، نەقەدەر يېقىملىق، قېرىنداشلار ئارا بولسا ئىناقلىق. ئىناقلىق قىممەتلىك ياغدەك بولۇر، ھارۇننىڭ بېشىدىن قۇيۇلۇپ بۇ ياغ، ئېقىپ چۈشۈپ ساقاللىرىغا، تامغانىدى ياقىلىرىغا. مول شەبنەمگە ئوخشار ئىناقلىق، خەرمون تېغىدىكى شەبنەملەر چۈشكەن كەبى سىئونغا، بەرھەق، بەختنى _ مەڭگۈلۈك ھاياتنى، ئاتا قىلغانىدى پەرۋەردىگار سىئون تېغىدا. ئەي پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىدىغانلار، كېچىلەپ خۇدا ئۆيىدە ئىبادەتتە بولىدىغانلار، كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنى تەرىپلەڭلار! مۇقەددەس جاي تەرەپكە قاراپ، دۇئاغا كۆتۈرۈلسۇن قوللىرىڭلار، پەرۋەردىگارنى تەرىپلەڭلار! ياراتقۇچىدۇر خۇدا ئاسمان، زېمىننى، بەختىيار قىلغاي ئۇ سىئوندىن سىلەرنى. مەدھىيەلەڭلار پەرۋەردىگارنى، چۈنكى شاپائەتلىكتۇر پەرۋەردىگار. كۈي-ناخشىغا قېتىڭلار ئۇنىڭ نامىنى، چۈنكى ئۇنى كۈيلىمەك بىزنى شاد قىلار. پەرۋەردىگار تاللىۋالدى ياقۇپ قوۋمىنى، ئۆزىگە تەۋە قىلىپ ئىسرائىللارنى. بىلىمەن، بەرھەق پەرۋەردىگار ئۇلۇغدۇر، رەببىمىز غەيرىي ئىلاھلاردىن ئۈستۈندۇر. ئاسمان-زېمىن، دېڭىز-ئوكيان، چوڭقۇرلۇقلاردا، نېمە قىلىشنى خالىسا شۇنى قىلار خۇدا. ئۇ، زېمىننىڭ تۆت تەرىپىدىن ئەكېلىپ بۇلۇتلارنى، يامغۇر ياغدۇرۇپ ھەم چاقتۇرۇپ چاقماقلارنى، كۇھىقاپلىرىدىن ئېلىپ چىقار شاماللارنى. ئۇ مىسىرلىقلارنىڭ ھالاك قىلدى تۇنجى تۇغۇلغانلىرىنى، يەنى ھالاك قىلدى ئادەم ۋە ماللارنىڭ تۇنجىلىرىنى. ئۇ مىسىردا كۆرسەتتى مۆجىزە ۋە كارامەتلىرىنى، جازالىدى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ۋەزىرلىرىنى. ۋەيران قىلدى ئۇ نۇرغۇن دۆلەتلەرنى، ئۆلتۈردى قۇدرەتلىك پادىشاھلارنى. ئۆرۈۋەتتى ئۇ ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخوننى، باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنى، ھەتتا كەنئاندىكى بارلىق پادىشاھلارنى. ئۇلارنىڭ زېمىنىنى بەردى ئۆز قوۋمىغا، ئاتا قىلدى ئۇلارنى ئۆز خەلقى ئىسرائىلغا. ئى پەرۋەردىگار، ئۇنتۇلمايدۇ سېنىڭ نامىڭ، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە دەۋر سۈرەر شۆھرىتىڭ. خۇدا «گۇناھسىز» دەپ جاكارلار ئۆز قوۋمىنى، كۆرسىتەر ئۇنىڭ قۇللىرىغا ئۆز رەھىمىنى. ئالتۇن بىلەن كۈمۈشتۇر يات ئەللەرنىڭ بۇتلىرى، ياسىغاندۇر ئۇلارنى ئىنسانلارنىڭ قوللىرى. ئۇلارنىڭ ئاغزى بار سۆزلىيەلمەس، كۆزلىرى بار كۆرەلمەس. قۇلاقلىرى بار ئاڭلىماس، ئاغزىدا يوقتۇر نەپەس. بۇتلارنى ياسىغانلار، ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلىغانلار، ئاخىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرىغا ئوخشاپ قالار. ئەي ئىسرائىل جەمەتى، پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار، ئەي ھارۇن جەمەتى، پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار. ئەي لاۋىي جەمەتى، پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار، ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا ئىخلاسى بارلار. پەرۋەردىگار تۇرار يېرۇسالېمدا، ھەمدۇسانا ئېيتىلسۇن سىئوندا، ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار ئۇنىڭغا. پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ بارلىق ھۆكۈمدارلاردىن ئۈستۈندۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر. پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، پەقەتلا ئۇ ئۇلۇغ مۆجىزىلەر ئىگىسىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر. پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ دانالىقتا ئاسماننى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر. پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ زېمىننى سۇ ئۈستىگە ئورناتقۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر. پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ يورۇقلۇق تارقاتقۇچى جىسىملارنى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر. پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ كۈندۈزى پارلايدىغان قۇياشنى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر. پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ كېچىسى پارلايدىغان ئاي، يۇلتۇزنى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر. پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، مىسىردا تۇنجى توغۇلغانلارنىڭ جېنىنى ئالغۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر. پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ ئىسرائىللارنى مىسىردىن قۇتقۇزۇپ چىققۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر. پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ ئۇلارنى زور قۇدرىتى بىلەن ئېلىپ چىققۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر. پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ قىزىل دېڭىزنىڭ سۈيىنى ئىككىگە بۆلگۈچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر. پەرۋەردىگارغا، شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ دېڭىزنى يېرىپ ئىسرائىللارنى ئۇنىڭدىن ئېلىپ چىققۇچىدۇر. ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر. پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى قىزىل دېڭىزغا غەرق قىلغۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر. پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ ئۆز قوۋمىنى چۆل-باياۋاندىن يېتەكلەپ ئۆتكۈچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر. پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ كاتتا پادىشاھلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلغۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر. پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ كۈچلۈك پادىشاھلارنى ھالاك قىلغۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر. پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخوننىڭ جېنىنى ئالغۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر. پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ باشان پادىشاھى ئوگنىڭ جېنىنى ئالغۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر، پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىنى ئۆز قوۋمىغا مۈلۈك قىلىپ بەرگۈچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر. پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىنى ئۆز قۇللىرى ئىسرائىللارغا مۈلۈك قىلىپ بەرگۈچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر. پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ خار بولغان چېغىمىزدا بىزنى ئەسلىگۈچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر. پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ بىزنى رەقىبلىرىمىزدىن قوغدىغۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر. پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ بارلىق جانلىقلارغا ئوزۇق ئاتا قىلغۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر. ئەرشئەلادىكى خۇداغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر. دەريا-ئۆستەڭ بويىغا يىغىلغاندا بابىلدا، سىئوننى ئەسلەپ كۆزىمىز تولدى ياشقا. لىرالىرىمىز ئېسىقلىق تۇراتتى سۆگەت شېخىدا. چۈنكى بىزنى سۈرگۈن قىلغانلار ناخشا تەلەپ قىلاتتى بىزدىن، كۆڭۈللىرىنى ئېچىشقا. جېنىمىزنى قىينىغانلار كۈلۈپ تۇرۇپ دەيتتى بىزگە: «ئېيتىپ بەر سىئوننىڭ مۇناجاتلىرىدىن.» ياقا يۇرتتا قانداقمۇ ئېيتايلى ئۇنى _ پەرۋەردىگارنىڭ مۇناجىتىنى. ئەي يېرۇسالېم، سېنى ئۇنتۇسام، قۇرۇسۇن ئوڭ قولۇم. ئەي يېرۇسالېم، سېنى ئۇنتۇسام، سېنى ئەڭ زور خۇشاللىقىم دەپ بىلمىسەم، چاپلىشىپ قالسۇن تاڭلىيىمغا تىلىم. ئى پەرۋەردىگار، ئىدوملۇقلارنىڭ زوراۋانلىقى بولسۇن يادىڭدا، يېرۇسالېم قولدىن كەتكەن كۈنى ئۇلار دېيىشكەنىدى: «ئۇنى بۇزۇڭلار، چېقىڭلار، يەر بىلەن يەكسان قىلىڭلار.» ئەي بابىللىق، ۋەيران بولغۇچىلار، بەختلىكتۇر بىزگە قىلغان يامانلىقىڭلارنى ئۆزۈڭلارغا قايتۇرغۇچىلار. بەختلىكتۇر بوۋاقلىرىڭلارنى تاشقا ئاتقۇچىلار. چىن قەلبىمدىن تەشەككۈر ئېيتىمەن ساڭا، كۈيلەيمەن سېنى پەرىشتىلەر ئالدىدا. مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭغا قاراپ سەجدە قىلىمەن ساڭا، ساداقىتىڭ، مۇھەببىتىڭ ئۈچۈن شۈكۈر ئېيتىمەن نامىڭغا، سۆزۈڭ بىلەن نامىڭنى قىلدىڭ ھەممىدىن ئەلا. بەردىڭ جاۋاب نىدا قىلغان چېغىمدا، جەسۇر قىلدىڭ كۈچ-قۇۋۋەت بېرىپ ماڭا. ئاڭلىغاچ ئۇلار سېنىڭ سۆزۈڭنى، ئى پەرۋەردىگار، ئاپىرىن ئېيتار ساڭا ئالەمدىكى پادىشاھلار. ئۇلۇغ بولغاچ پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى، كۈيلەر ئۇلار ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى. بۈيۈكلۈكتە بولسىمۇ پەرۋەردىگار، كەمتەرلەرگە غەمخورلۇق قىلار، تەكەببۇرلاردىن يىراق تۇرار. يۈرسەممۇ گەر كۈلپەتلەردە مەن، ئۆزۈڭ مېنى روھلاندۇرىسەن. توسۇپ سەن دۈشمەنلىرىم غەزىپىنى، قۇتقۇزىسەن ئوڭ قولۇڭ بىلەن مېنى. ئەمەلگە ئاشۇرار پەرۋەردىگار مەن ھەققىدىكى پىلانىنى، مەڭگۈلۈكتۇر مېھىر-مۇھەببىتىڭ، ئى پەرۋەردىگار، تەرك ئەتمە، ئۆز قولۇڭدا ياراتتىڭ مېنى. ئى پەرۋەردىگار، كۆردۈڭ قەلبىمنى، بىلدىڭ مېنى. بىلىسەن ئولتۇرۇپ-قوپۇشۇمنى، چۈشىنىسەن يىراقتىنمۇ ئويلىرىمنى. كۆرۈپ تۇرىسەن يۈرۈش-تۇرۇشۇمنى، ئېنىق ئۇقىسەن بارلىق ئىشلىرىمنى. ئى پەرۋەردىگار، بىلىسەن سۆزلىرىمنى، ھەتتا ئېغىزىمدىن چىقارماستا ئۇلارنى. باردۇرسەن ئەتراپىمدا، قويدۇڭ قولۇڭنى دولامغا. قۇدرىتىڭ ئەقلىمنى لال قىلار شۇنچە، ئەقلىم يەتمەس بۇ سىرلارنى بىلىشكە. نەگىمۇ بارالايمەن مۆكۈپ يۈرۈپ روھىڭدىن، نەگىمۇ كېتەلەيمەن قېچىپ چىقىپ قوينىڭدىن. ئاسمانغا چىقساممۇ بارسەن ئۇ يەردە، لەھەتكە كىرسەممۇ بارسەن ئۇ يەردە. پەرۋاز قىلىپ قانىتىدا سەھەرنىڭ، تۇتسام ماكان ئەڭ چېتىدە دېڭىزنىڭ. ئۇ يەردىمۇ يېتەكلەر قولۇڭ، يۆلەر مېنى ئوڭ قولۇڭ. مۆكۈنۈۋالاي دەپ ئويلىساممۇ قاراڭغۇلۇققا، ئەتراپىمدىكى يورۇقلۇق گەر تۈنگە ئايلانسا، تۈن زۇلمىتى قاراڭغۇ كۆرۈنمەس ساڭا، كېچە گويا كۈندۈزدەك يورۇپ تۇرار، قاراڭغۇلۇق يوقتۇر سەن ئۈچۈن ئەسلا. شۇنداق، سەن ياراتتىڭ ئىچكى ئەزالىرىمنى، ئاپىرىدە قىلدىڭ ئانامنىڭ قورسىقىدا مېنى. شۈكۈر-رەھمەت ئېيتىمەن ساڭا، چۈنكى قالتىس، ئالامەت ياراتتىڭ مېنى. شۇنچە كارامەت ئىجادىيەتلىرىڭ، ياخشى بىلىمەن قەلبىمدە بۇنى. مېنى پىنھان ياراتقىنىڭدا، پۈتۈلگەندە ئانامنىڭ قورسىقىغا، ساڭا يوچۇن ئەمەستى تېنىم ئەسلا. كۆرگەنىدىڭ ھامىلە چېغىمدا مېنى، كەلمەي تۇرۇپ ھاياتىمنىڭ تۇنجى كۈنى، تەقدىرىم دەپتىرىڭگە يېزىلغانىدى. شۇنچە قەدىرلىكتۇر مەن ھەققىدىكى ئويلىرىڭ، ئى خۇدا، ئۇلارنىڭ ھېچبىر سانى يوقتۇر ئەسلا. سانىماق بولسام ئۇلارنى قۇمدىنمۇ كۆپتۇر ھەتتا، ئەتىگەندە ئويغانغىنىمدا مەن ھەققىدە ئويلايسەن يەنىلا. ئى خۇدا، جۇدا قىلغىن رەزىللەرنى جېنىدىن، ئەي قانخورلار، يىراق قېچىڭلار مېنىڭدىن. كۇپۇرلۇق سۆزلەر سەن ھەققىدە، ئى خۇدا، دۈشمەنلىرىڭ نامىڭنى قالايمىقان ئېلىپ تىلغا. ئى پەرۋەردىگار، ساڭا ئۆچ بولغانلارغا ئۆچ بولماسمەنمۇ؟ ساڭا ھۇجۇم قىلغانلاردىن يىرگەنمەسمەنمۇ؟ ئۇلارغا ئۆچ بولىمەن چىش-تىرنىقىمغىچە، ئۇلارنى دۈشمەن ھېسابلايمەن ئۆزۈمگە. كۆرگىن قەلبىمنى، ئى خۇدا، بىلگىن مېنى، سىناپ كۆر مېنى، بىلگىن ئوي-خىياللىرىمنى. باققىن بىرەر يامانلىق بارمۇ-يوق مەندە، مەڭگۈلۈك يولۇڭدا مېنى يېتەكلە. ئى پەرۋەردىگار، رەزىللەردىن قۇتقۇزغىن مېنى، زوراۋانلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىغىن مېنى. يامانلىق ئويلايدۇ ئۇلار كۆڭۈللىرىدە، جېدەل-ماجىرا چىقىرار ھەربىر كۈندە. زەھەرلىك يىلانغا ئوخشايدۇ ئۇلارنىڭ تىللىرى، يىلان زەھىرىگە تولغاندۇر ئۇلارنىڭ لەۋلىرى. ئى پەرۋەردىگار، قۇتقۇز مېنى رەزىللەرنىڭ چاڭگىلىدىن، پۇتلىرىمنى ئامان قىلغىن زوراۋانلارنىڭ پۇتلىشىدىن. يوشۇرۇن قىلتاق قۇردى مەن ئۈچۈن تەكەببۇرلار، ۋە يىپ تورىنى يايدى ئۇلار، يول بويىغا قۇردى ھەم تۇزاقلار. پەرۋەردىگار «سەن مېنىڭ ئىگەمدۇرسەن» دېگەنىدىم، قۇلاق سالغىن ئىلتىجايىمغا، ئى ئىلاھىم. ئى رەببىم پەرۋەردىگار، قۇدرەتلىك نىجاتكارىمسەن، جەڭلەردە قالقان بولۇپ بېشىمنى قوغدىغانسەن. ئى پەرۋەردىگار، ئىجابەت قىلمىغايسەن رەزىللەرنىڭ ئۈمىدىنى، ئەمەلگە ئاشۇرمىغايسەن ئۇلارنىڭ ھىيلىلىرىنى، بولمىسا ئۇلار چوڭ تۇتۇۋالىدۇ ئۆزلىرىنى. تەھدىتلىرى مېنى قورشىۋالغانلارنىڭ، يانسۇن ئۆز بېشىغا ئۇلارنىڭ. قىپقىزىل چوغلار چۈشسۇن ئۇلار ئۈستىگە، تاشلىۋېتىلسۇن ئۇلار ئوتلار ئىچىگە، قايتىدىن چىقالمىغۇدەك ھاڭنىڭ تېگىگە. يەر يۈزىدە روناق تاپمىسۇن چېقىمچىلار، ئوۋچىلارغا ئولجا بولۇپ يوقالسۇن زوراۋانلار. بىلىمەن، ئېزىلگەنلەرگە ئىگە بولۇپ پەرۋەردىگار، يوقسۇللارنىڭ ھەققىنى قوغدار. بەرھەق، ساڭا شۈكۈر ئېيتار ھەققانىيلار، ھۇزۇرۇڭدا ياشايدۇ دۇرۇس يولدا ماڭغانلار. پەرۋەردىگار مەن ساڭا قىلدىم نىدا، كەلسىكەن دەپ سېنى تېزدىن يېنىمغا، ئاڭلىساڭچۇ ئاۋازىمنى ساڭا نىدا قىلغىنىمدا. قوبۇل قىلغىن ئىسرىق كەبى مېنىڭ دۇئايىمنى، كەچتە قىلغان قۇربانلىق كەبى كۆتۈرۈلگەن قوللىرىمنى، پەرۋەردىگار، بىر كۆزەتچى تۇرغۇزغىن ئاغزىمغا، پوستا تۇرسۇن ئۇ لەۋلىرىم دەرۋازىسى ئالدىدا. رەزىللىككە مايىل قىلىپ مەيلىمنى، يامانلىق قىلىشقا يول قويما مېنى. قەبىھلەرگە شېرىك قىلما كۆڭلۈمنى، يېگۈزمىگىن ھەم ئۇلارنىڭ نېمەتلىرىنى. مېنى ئۇرسا ھەققانىي، ئۇ بەرگەندەك بولار ماڭا مېھرىنى، تەنبىھلىرى بىلىنەر بېشىمغا ئېسىل ماينى قۇيغاندەك، تەنبىھىنى رەت قىلىپ چايقىمايمەن بېشىمنى، بولساممۇ گەر كۈلپەتتە توختاتماسمەن يەنىلا دۇئايىمنى. لېكىن، ئىگەم پەرۋەردىگار، تەلمۈرۈپ قارايمەن ساڭا، سەندىن پاناھ ئىزدەيمەن، مېنى پاناھسىز قالدۇرما. ساقلا مېنى ئۇلارنىڭ ماڭا قۇرغان قىلتاقلىرىدىن، قەبىھلىك قىلغۇچىلارنىڭ تۇزاقلىرىدىن. رەزىللەر چۈشسۇن ئۆزى قۇرغان تۇزاققا، مەن ئۆتۈپ كېتەي ئۇ خەتەردىن دائىما. ئاڭلىسۇن دەپ پەرۋەردىگار، بار ئاۋازىمدا نالە-پەرياد قىلىمەن، پەرۋەردىگاردىن رەھىم تىلەپ ئۈنلۈك ئاۋازدا يېلىنىمەن. مەن ئۇنىڭغا دەردلىرىمنى تۆكىمەن، ھەم ئۇنىڭغا مۈشكۈللىرىمنى ئېيتىمەن. رەقىبلىرىم يوللىرىمغا قىلتاق قۇرغان بولسىمۇ، روھىم مېنىڭ بۇرۇقتۇم بولۇپ تۈگىشەي دېسىمۇ، ئۆزۈڭ ھالىمدىن خەۋەر ئالىسەن شۇنداقتىمۇ. پەرۋەردىگار قاراپ باققىن ئوڭ يېنىمغا، ماڭا كۆڭۈل بۆلگۈچى يوقتۇر ئەتراپىمدا، پاناھ بولۇپ ھېچكىم كۆيۈنمەس ماڭا. ئى ئىلاھىم، پەرياد چېكىپ ساڭا دېدىم: «سەن مېنىڭ باشپاناھىمسەن، پانىي ئالەم قۇچىقىدا نېسىۋەمسەن.» ئى ئىگەم، پەريادىمغا قۇلاق سالغىن، ئەھۋالىم بەك ناچار-مۈشكۈلدۇر. قۇتقۇز مېنى ئۇلارنىڭ قوغلىشىدىن، چۈنكى ئۇلار مەندىن كۈچلۈكتۇر. شۈكۈر ئېيتماق ئۈچۈن سېنىڭ نامىڭغا، ئۆزۈڭ مېنى چىقارغايسەن زىنداندىن. ھەققانىيلار شۇندىلا ئولىشىدۇ ئەتراپىمغا، چۈنكى زور مېھرىبانلىققا ئېرىشىمەن سېنىڭدىن. قۇلاق سالغىن پەرۋەردىگار دۇئايىمغا، موھتاج بولۇپ ساڭا قىلغان ئىلتىجايىمغا. ھەققانىيسەن پەرۋەردىگار، ساداقىتىڭدە جاۋاب بەرگىن مېنىڭ قىلغان مۇڭ-زارىمغا. گۇناھسىز بىر ئىنسان يوقتۇر ئالدىڭدا، شۇڭا ئۆتۈنەي، مەن قۇلۇڭنى سوراق قىلما. ھاياتىمنى دەپسەندە قىلىپ دۈشمەنلىرىم، زىيانكەشلىك قىلماقتا بۇ جېنىمغا. ئۆلۈكلەر ماكانى قەبرىستاندەك، مەجبۇرلار مېنى زۇلمەت-قاراڭغۇلۇققا. شۇڭا روھىم سىقىلىپ بۇرۇقتۇم بولدى، ئۈمىدلىرىم ئۈزۈلۈپ كۆڭلۈممۇ قايغۇغا تولدى. ئەسلەيمەن بۇرۇن ئۆتكەن كۈنلىرىمنى، سېغىنىمەن كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىڭنى، ياد ئېتىمەن سېنىڭ قىلغان ئەجىرلىرىڭنى. قوللىرىم ساڭا قاراپ سوزۇلغاندۇر، ۋۇجۇدۇم چاڭقىغان زېمىندەك ساڭا تەشنادۇر. ماڭا تېزدىن جاۋابىڭنى بەرگىنە پەرۋەردىگار، بولمىسا ئۈمىدلىرىم بەربات بولۇپ ھالىم كېتەر، ئۆتۈنەي، دىدارىڭنى يوشۇرمىغىن مەندىن زىنھار. بولمىسا تېنىم مېنىڭ گۆردە بولار. مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى ئاڭلىغۇم بار تاڭ سەھەردە، چۈنكى مەن پەقەت ساڭا تايانغانمەن. مېڭىشىم زۆرۈر بولغان يولنى ئۆزۈڭ بىلدۈر ماڭا، چۈنكى مەن ۋۇجۇدۇمدىن پەقەت ساڭا تەلمۈرگەنمەن. قۇتۇلدۇر مېنى پەرۋەردىگار دۈشمەنلىرىمنىڭ ئىلكىدىن، باشپاناھ ئىزدەپ كەلدىم يېنىڭغا، ئورۇن بەرگىن قوينىڭدىن. ئۆگەت ماڭا ئىرادەڭگە ئەمەل قىلىپ ياشاشنى، چۈنكى سەن مېنىڭ خۇدايىمدۇرسەن، ئاداشماي، يېتەكلىسۇن ئالىيجاناب روھىڭ مېنى. پەرۋەردىگار شۆھرىتىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ قۇتقۇز مېنى، ھەققانىيسەن ئى ئىگەم، پالاكەتتىن ئازاد قىلغىن جېنىمنى. ماڭا بولغان مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭدە ھالاك قىلغىن ئى ئىگەم، دۈشمەنلىرىمنى، خاراب قىلغىن ھەم جېنىمنى خار قىلغانلارنى. بەرھەق، مەن سېنىڭ بەندەڭ، قۇلۇڭدۇرمەن. ھەمدۇسانا ئوقۇلسۇن قورام تېشىم بولغان خۇداغا، ماھىر قىلار ئۇ مېنىڭ قوللىرىمنى جەڭ قىلىشقا. ماڭا سادىق مەدەتكار، قورغىنىمدۇر ئۇ مېنىڭ، نىجاتكارىم، مۇستەھكەم قەلئەيىم ئۇ مېنىڭ. قالقىنىمدۇر ئۇ مېنىڭ، پاناھ تاپارمەن ئۇنىڭدا، بويسۇندۇرار ئۇ دائىم خەلقلەرنى قول ئاستىمغا. ئى پەرۋەردىگار، ئىنسان نېمىدى سەن ئۇنىڭغا نەزەر سالغۇدەك، ئادەم بالىسى نېمىدى سەن ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلگۈدەك؟ ئوخشار ئىنسان ھاياتى گويا كېتىۋاتقان سايىغا، ئوخشار ئۇنىڭ ئۆمرى بەئەينى بىر تىنىققا. كۆكنى يېرىپ چۈشكىن ئى خۇدا، ئىس-تۈتەكلەر چىقارغىن تاغلار ئارا. چاقماقلارنى چاقتۇرۇپ قوغلىغايسەن رەقىبىڭنى، تارقاتقايسەن ئۇلارنى ئېتىپ تۇرۇپ ئوقلىرىڭنى. ئۇزىتىپ قولۇڭنى سەن كۆك باغرىدىن، تارتىۋالغىن مېنى خۇدا قاينام دەريا-سۇلاردىن، قۇتقۇزغىن ھەم مېنى ياتلار چاڭگىلىدىن. ئۇلار دائىم سۆزلەر يالغان سۆزلەرنى، بېرەر ساختا، يالغان قەسەملەرنى. ئى خۇدا، ساڭا ئاتاپ ئېيتاي يېڭى ناخشا، كۈيلەي سېنى ئون تارلىق چىلتاردا. سەن ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىرىغا زەپەر ئاتا قىلغۇچىسەن، بەندەڭ داۋۇتنى ئەجەللىك قىلىچ ئاستىدىن قۇتقۇزغۇچىسەن. ياتلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ ئازاد قىل مېنى، ئۇلار دائىم سۆزلەر يالغان سۆزلەرنى، بېرەر ساختا، يالغان قەسەملەرنى. ئوغۇللىرىمىز ئوخشىغاي ياخشى ئۆسكەن كۆچەتلەرگە، قىزلىرىمىز ئوردا تۈۋرۈكلىرىدىكى نەپىس نەقىشلەرگە. ئامبارلىرىمىز لىق تولغاي ئاشلىقلارغا، قويلىرىمىز سان-ساناقسىز كۆپەيگەي يايلاقلاردا. كۆپ بولغاي ئۆكۈزلىرىمىزنىڭ يۈكلىرى، ئەسىرگە چۈشمىگەي خەلقىمىزدىن ھېچبىرى. بۇزۇپ ئۆتەلمىگەي ھېچكىم سېپىللىرىمىزنى، ئاڭلانمىغاي كوچىلاردىن زارلىنىش ئاۋازلىرى. نەقەدەر بەختلىكتۇر، بۇنداق تىلەكلىرى ئەمەلگە ئاشقان ئىنسانلار! نەقەدەر بەختلىكتۇر، ئىگىسى پەرۋەردىگار بولغان قوۋملار! ئۇلۇغلايمەن پادىشاھىم خۇدا سېنى، تەرىپلەيمەن تائەبەد نام-شەرىپىڭنى. ھەمدۇسانا ئېيتىمەن ھەر كۈنى ساڭا، ئاپىرىن ئوقۇيمەن مەڭگۈ نامىڭغا. خۇدا ئۇلۇغ، ھەسسىلەپ مەدھىيەلەشكە لايىقتۇر، ئۇلۇغلۇقىنى بىلىشكە ھېچكىم قادىر ئەمەستۇر. ئەۋلادلاردىن-ئەۋلادقا قالار ياخشى ئىشلىرىڭ، تەرىپلىنەر ئۇلارنىڭ تىللىرىدا قۇدرىتىڭ. تەپەككۇر قىلىمەن شان-شۆھرىتىڭ ھەققىدە، چوڭقۇر ئويلايمەن مۆجىزىلىرىڭ ئۈستىدە. داستان بولۇپ تارالغان كاتتا ئىشلىرىڭ تىللاردا، مەنمۇ بايان ئەيلەيمەن ئۇلۇغلۇقىڭنى دائىما. ئۇلار ئەسلەپ، سۆزلىشەر شەپقىتىڭنى بەس-بەستە، ئادالىتىڭنى كۈيلىشەر ناخشا ئوقۇپ ھەۋەستە. خۇدا رەھىمدىل، شەپقەتلىكتۇر، ئاسانلىقچە غەزىپى كەلمەس، مېھىر-مۇھەببىتى چەكسىزدۇر. پەرۋەردىگار ھەممىگە ئىلتىپات قىلار، بارلىق يارتقانلىرىغا رەھىمدىل بولار. ئى پەرۋەردىگار، ساڭا ئۇلار شۈكۈر ئېيتار، ساڭا سادىق بەندىلىرىڭ مەدھىيە ئوقار. ئۇلۇغۋار ھۆكۈمرانلىقىڭ ھەققىدە ئۇلار سۆزلەر، بۈيۈك قۇدرىتىڭنى ھەممە ئىنسانغا بايان ئەيلەر. جاھان ئەھلىنى ئۇلۇغ ئىشلىرىڭ بىلەن ئۇلار خەۋەردار قىلار، پادىشاھلىقىڭنىڭ شەرەپلىك سەلتەنەتىنى مەلۇم قىلار. پادىشاھلىقىڭ مەڭگۈلۈك پادىشاھلىقتۇر، ھۆكۈمرانلىقىڭ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچىدۇر، پەرۋەردىگار ۋەدىسىگە سادىقتۇر، ئۇ ھەممىگە ھەر دائىم ۋاپاداردۇر. پەرۋەردىگار يۆلەر يىقىلغانلارنى، رۇسلار ئىگىلگەنلەرنىڭ قەددىنى. ئى پەرۋەردىگار، تەلمۈرەر ھەممىسىنىڭ كۆزى ساڭا، بېرىسەن رىزقىنى ئۇلارغا ئۆز ۋاقتىدا. جانلىقلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىسەن، ئۇلارغا قولى ئوچۇق سېخىيدۇرسەن. پەرۋەردىگار ھەممە ئىشتا ئادىلدۇر، ئۇ ھەممىگە ھەر دائىم ۋاپاداردۇر. پەرۋەردىگار ئۆزىگە نىدا قىلغانلارنىڭ يېنىدىدۇر، ئۇنى چىن دىلىدىن سېغىنغانلارغا يېقىندۇر. ئۇ يەتكۈزەر مۇرادىغا ئۆزىگە ئىخلاس قىلغانلارنى، ئاڭلاپ نالىسىنى قۇتقۇزار ئۇلارنى. قوغدار پەرۋەردىگار ئۆزىنى سۆيگەنلەرنى، ئەمما ھالاك قىلار بارلىق پاسىقلارنى. ھەمدۇسانالار چۈشمەس مېنىڭ ئېغىزىمدىن پەرۋەردىگارغا، پۈتكۈل جانلىقلار مەڭگۈ مەدھىيە ئوقۇسۇن مۇقەددەس نامىغا. ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا، ئەي قەلبىم مەدھىيەڭنى ياغدۇر ئاڭا! ئۆمۈرۋايەت مەدھىيەلەيمەن پەرۋەردىگارنى، جان تەندە بولسىلا كۈيلەيمەن خۇدايىمنى. ئىشەنچ باغلىما شاھزادىلەرگە، نىجاتلىق بېرەلمەيدىغان بەندىلەرگە. تىنىقى توختىشى بىلەنلا قايتار ئۇلار تۇپراققا، شۇ كۈنىلا بارچە پىلانلىرى چىقار يوققا. بەختلىكتۇر ياقۇپنى تاللىغان خۇدانى مەدەتكارىم دەپ بىلگەنلەر، ئۈمىدىنى ئىگىسى پەرۋەردىگارغا باغلىغان ئادەملەر. ياراتقاندۇر پەرۋەردىگار ئاسمان ۋە زېمىننى، دېڭىزنى ۋە ئۇنىڭدىكى ھەممە مەۋجۇداتلارنى، ئۇ مەڭگۈ ئۇنتۇماس قىلغان ۋەدىسىنى. يەتكۈزەر ئېزىلگەنلەرنى ئادىللىققا، رىزىق بىرەر ئاچ قالغانلارغا، ھۆرلۈك ئاتا قىلار مەھبۇسلارغا. ئاچار پەرۋەردىگار قارىغۇلارنىڭ كۆزىنى، رۇسلار ئېگىلگەنلەرنىڭ قەددىنى. سۆيەر توغرا يولدا ماڭغانلارنى. قوغدار پەرۋەردىگار مۇساپىرلارنى، قوللار تۇل خوتۇن، يېتىم-يېسىرلارنى. لېكىن توسار پاسىقلارنىڭ يولىنى. ھۆكۈمراندۇر پەرۋەردىگار ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە، ئەي سىئون، سېنىڭ خۇدايىڭ ھۆكۈم سۈرەر مەڭگۈگە. ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا! ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا، ئىگىمىزنى كۈيلىمەك بەختتۇر بىزگە، خۇشاللىقتۇر مەدھىيە ئوقۇش خۇداغا، ھەمدۇسانالار لايىقتۇر ئۇنىڭ شەنىگە. ئىگىمىز قايتىدىن قۇرىدۇ يېرۇسالېمنى، ئىسرائىلغا يېڭىدىن يىغىدۇ سۈرگۈن بولغانلارنى. كۆڭلىگە داۋا بېرىدۇ كۆڭلى سۇنۇقلارنىڭ، شىپالىق مەلھەم تاڭىدۇ يارىلىرىغا ئۇلارنىڭ. خۇدا ئۆزى بەلگىلەيدۇ يۇلتۇزلارنىڭ سانىنى، ئايرىم نامدا ئاتىغاندۇر ئۇلارنىڭ ھەربىرىنى. رەببىمىز بۈيۈكتۇر، قۇدرىتى چەكسىز، دانالىقى ئۇنىڭ مۆلچەرلىگۈسىز. پەرۋەردىگار يۆلەپ كۆتۈرەر ئاجىزلارنى، ئۇ يەرگە ئۇرار پاسىق-رەزىللەرنى. پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىپ، قوشاق قېتىڭلار، قوشاقلارنى ساز لىرادا تەڭكەش قىلىپ ئېيتىڭلار. ئۇ ئاسماننى بۇلۇتلارغا تولدۇرۇپ، كۆكتىن يەرگە يامغۇرىنى ياغدۇرۇپ، تاغ-دالانى ئوت-چۆپلەرگە تولدۇرار. خۇدا ئاتا قىلار چارۋا-مالغا ئۆز رىزقىنى، ئوزۇق بېرەر قاقىلدىغاندا قاغا بالىلىرى. ئۇ سۆيۈنمەس ئات كۈچىدىن، چەبدەس، چاققان ئادەم پۇتىدىن. پەرۋەردىگار سۆيۈنەر ئۆزىگە ئىخلاس قىلغانلاردىن، ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىگە ئۈمىد باغلىغانلاردىن. ئەي يېرۇسالېم، پەرۋەردىگارنى ئالقىشلا، ئەي سىئون، مەدھىيە ئوقۇ خۇدايىڭغا. چۈنكى پەرۋەردىگار دەرۋاز تاقاقلىرىڭنى مەھكەم قىلار، سېپىل ئىچىدىكى پەرزەنتلىرىڭگە بەخت ئاتا قىلار. ئۇ چېگرالىرىڭغىچە ئاسايىشلىق ئېلىپ كېلەر، ئۇ سىلەرنى بۇغداينىڭ ئېسىلى بىلەن تەمىنلەر. خۇدا يەر يۈزىگە ئەمر قىلار، ئەمرى تېز بېرىپ ئەمەلگە ئاشار. پەرۋەردىگار ئاق يۇڭدەك ئاپئاق قارنى ياغدۇرار، نەپىس قىروۋنى پۈتكۈل زېمىنغا كۈلدەك چاچار. مۆلدۈرلەرنى نان ئۇۋاقلىرىدەك چېچىۋېتەر، كىممۇ ئۇنىڭ سوغۇقىغا بەرداشلىق بېرەر. پەرۋەردىگار سۆزى بىلەن ئېرىتەر ئۇلارنى، شامىلى بىلەن ئاققۇزار سۇلارنى. پەرۋەردىگارنىڭ كالامىنى يەتكۈزەر ياقۇپنىڭ نەسلىگە، پەرمان ھەم پەرزلىرىنى ئايان قىلار ئىسرائىل خەلقىگە. پەرۋەردىگار باشقا خەلققە ھېچقاچان بۇنداق مۇئامىلە قىلغان ئەمەس، ئۇنىڭ پەرزلىرىنى باشقىلارمۇ ھەم بىلگەن ئەمەس. ھەمدۇسانالار بولسۇن پەرۋەردىگارغا. پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار! مەدھىيەلەڭلار ئەرشتىكىلەر خۇدانى، مەدھىيەلەڭلار ئاسمان-پەلەكتە ئۇنى. مەدھىيەلەڭلار پەرىشتىلەر خۇدانى، ئەي ساماۋى قوشۇنلار، مەدھىيەلەڭلار ئۇنى. مەدھىيەلىسۇن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى، چۈنكى ئۇ ئەمرى بىلەن ياراتقان ئۇلارنى. پەرۋەردىگار ئورناتتى ئۆز جايلىرىغا ئۇلارنى، بۇزماس خۇدا تائەبەد ئۆزى قىلغان ئەمرىنى. مەدھىيەلەڭلار پەرۋەردىگارنى يەر يۈزىدىكى جانلىقلار، ئەي چوڭقۇر دېڭىز ۋە ئۇنىڭدىكى مەخلۇقلار. مەدھىيەلەڭلار خۇدانى قار ۋە مۆلدۈر، چاقماق بىلەن تۇمانلار، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە بويسۇنغان ئەي كۈچلۈك بورانلار. مەدھىيەلەڭلار ئۇنى ئەي تاغ ۋە تۆپىلىكلەر، كېدىر دەرەخلىرى يەنە مېۋىلىك دەرەخلەر. مەدھىيەلەڭلار خۇدانى ئەي ياۋايى ھايۋانلار ۋە بارلىق چارۋىلار، ئەي ئۆمىلىگۈچى جانلىقلار ۋە ھەممە ئۇچار قاناتلار. مەدھىيەلەڭلار ئۇنى ئەي جاھان شاھلىرى ۋە بارچە خەلقلەر، مەدھىيەلەڭلار ئۇنى ئەي بارچە ھۆكۈمرانلار ۋە شاھزادىلەر. مەدھىيەلەڭلار ئۇنى يىگىتلەر شۇنداقلا قىزلار، مەدھىيەلەڭلار ئۇنى ئەي ياشانغانلار ھەم ياشلار. مەدھىيەلىسۇن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى، چۈنكى بۈيۈكتۇر ھەممىدىن ئۇنىڭ نام-شۆھرىتى، ئاسمان-زېمىندىن يۈكسەكتۇر ھەم شان-شەرىپى. ئۆز خەلقىنى كۈچلۈك قىلدى پەرۋەردىگار، مەدھىيەلەر ئوقار ئۇنىڭغا بارلىق تەقۋادارلار _ خۇدا سۆيگەن ئىسرائىللار. پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار! ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا، ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يېڭى بىر ناخشا، مەدھىيەلەڭلار ئۇنى تەقۋادارلار ئارىسىدا. خۇشال بولسۇن ئىسرائىللار ياراتقۇچىسىدىن، شادلانسۇن سىئوننىڭ پەرزەنتلىرى پادىشاھى خۇدادىن. مەدھىيەلىسۇن خۇدانى ئۇلار ئۇسسۇل ئويناپ، ئالقىش كۈيى چالسۇن داپ، لىرادا ئۇنىڭغا ئاتاپ. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز قوۋمىدىن سۆيۈنەر، كەمتەرلەرگە نىجاتلىق تاجىنى كىيدۈرەر. شادلانسۇن بۇ شۆھرەتتىن سادىق بولغانلار خۇداغا، ئېيتسۇن ناخشا خۇشاللىقتىن ئورۇنلىرىدا ياتقاندا. چۈشۈرمەس ئۇلار ئېغىزلىرىدىن ئۇلۇغلاشنى خۇدانى، چۈشۈرمەس ئۇلار قوللىرىدىن قوش بىسلىق قىلىچلىرىنى. ئېلىش ئۈچۈن ئىتائەتسىز قوۋملاردىن قىساسىنى، بەرمەك ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەم ئەدىپىنى، زەنجىر بىلەن باغلاپ ئۇلارنىڭ شاھلىرىنى، تۆمۈر كىشەن بىلەن كىشەنلەر ئېسىلزادىلىرىنى. ئىجرا قىلار پۈتۈلگەن ھۆكۈمنى ئۇلارغا، مەنسۇپتۇر بۇ شەرەپ خۇدانىڭ تەقۋادارلىرىغا. ئوقۇڭلار ھەمدۇسانا پەرۋەردىگارغا. ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا، مەدھىيەلەڭلار خۇدانى مۇقەددەس جايىدا، قۇدرىتى ئايان بولغان ئەرشئەلادا. مەدھىيەلەڭلار ئۇنىڭ ياراتقان مۆجىزىلىرىنى، مەدھىيەلەڭلار ئۇنىڭ ھەممىدىن ئۇلۇغلۇقىنى. مەدھىيەلەڭلار ئۇنى بۇرغا ساداسىدا، مەدھىيەلەڭلار چېلىپ چىلتار، لىرا. مەدھىيەلەڭلار ئۇنى داپ چېلىپ، چۈشۈپ ئۇسسۇلغا، مەدھىيەلەڭلار ئۇنى تەڭكەش قىلىپ نەي ۋە تارلىق سازغا. مەدھىيەلەڭلار ئۇنى جاللىلارنىڭ ياڭراق ساداسىدا، مەدھىيەلەڭلار ئۇنى جاللىلارنىڭ جاراڭلىق ئاۋازىدا. مەدھىيەلىگەي پەرۋەردىگارنى جىمىكى تىنىقى بارلار، پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار! داۋۇت پادىشاھنىڭ ئوغلى، ئىسرائىلىيە پادىشاھى سۇلايماننىڭ پەند-نەسىھەتلىرى: بۇ پەند-نەسىھەتلەر دانالىق ۋە تەلىم-تەربىيىگە ئىگە قىلار سېنى، يېشەر ئىبرەتلىك سۆزلەرنىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى؛ تەربىيىلەر سېنى ئاقىلانىلىك بىلەن ياشاشقا، ھەققانىي، ئادىل ۋە دۇرۇس بولۇشقا؛ چېچەن قىلار گول ئادەملەرنى، بىلىملىك ۋە پەم-پاراسەتلىك قىلار ياشلارنى. ئاڭلاپ بۇلارنى دانالار تېخىمۇ دانا بولسۇن، زېرەكلەر ئاقىلانە مەسلىھەتكە ئېرىشسۇن. چۈشەنگىلى بولار بۇ پەند-نەسىھەتلەردىن ئەقلىيە سۆزلەرنى، تەمسىللەرنى، ئاقىللارنىڭ ھېكمەتلىرى ۋە تېپىشماقلىرىنى. پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئەقىل-ئىدراكنىڭ باشلىنىشىدۇر. ئەخمەقلەر دانالىق ۋە تەلىم-تەربىيىنى كەمسىتىدۇ. ئەي ئوغلۇم، تەربىيىسىگە قۇلاق سال ئاتاڭنىڭ، تەلىمىگە بىپەرۋالىق قىلما ئاناڭنىڭ. ئۇلارنىڭ تەلىم-تەربىيىسى بېشىڭغا تاقالغان تاجدۇر، بوينۇڭغا ئېسىلغان ئالتۇن زەنجىردۇر. ئەي ئوغلۇم، ئەگەر سېنى گۇناھكارلار ئازدۇرسا، ئەگەشمىگىن ئۇلارغا. ئەگەر ئۇلار:«كەل، بىزگە قوشۇل، تۇزاق قۇرايلى جان ئېلىشقا، بىرەر بىگۇناھنى سەۋەبسىزلا پايلاپ تۇرايلى تۇتۇشقا. ئۆلۈكلەر ماكانىدەك تىرىك يۇتايلى بىز گۇناھسىزلارنى، گۆرگە چۈشۈپ كەتكەندەك يوقىتايلى ئۇ ساغلام ئادەملەرنى. تارتىپ ئالايلى شۇ چاغ خىلمۇخىل قىممەتلىك مال-دۇنيانى، ئالغان ئولجا بىلەن تولدۇرايلى ئۆيلىرىمىزنى. بىزگە شېرىك بول، تاپقىنىمىز ئورتاق بولسۇن» دېسىمۇ، ئەي ئوغلۇم، يولىغا كىرمە ئۇلارنىڭ، باسما بىر قەدەممۇ. چۈنكى ئېتىشىدۇ ئۇلار ئۆزلىرىنى يامانلىققا، ئالدىرىشىدۇ ھەم قان تۆكۈشكە. قۇش تۇيۇپ قالغاندا تور يېيىش بىھۇدە ئاۋارىچىلىكتۇر، لېكىن شۇ يامانلار دەل ئۆز ئۆزىگە ئەجەللىك تۇزاق قويىدۇ، ئۆز جېنىغا زامىن بولىدىغان ئورا كولايدۇ. ھارام مال-دۇنياغا ھېرىس ئادەملەرنىڭ ئاقىۋىتى شۇكى، ئالىدۇ بۇ ھارام مال-دۇنيا ئۇلارنىڭ جېنىنى. دانالىق چاقىرماقتا كوچىلاردا، ئاۋازى ياڭرىماقتا بازارلاردا، ئۈندىمەكتە ئاۋات جايلاردا، ۋەز ئېيتماقتا شەھەر دەرۋازىلىرىنىڭ ئالدىدا: _ ئەي نادانلار، قاچانغىچە نادانلىقتا يۈرىسىلەر؟ ئەي مازاقچىلار، قاچانغىچە مازاق قىلىشتىن ھۇزۇر ئالىسىلەر؟ ئەي ئەقىلسىزلەر، قاچانغىچە بىلىمدىن نەپرەتلىنىسىلەر؟ تەنبىھلىرىمگە قۇلاق سالغان بولساڭلار، سىلەرگە تۆكۈپ بېرەتتىم قەلبىمدىكىنى، سىلەر بىلەن ئورتاقلىشاتتىم ئوي-پىكىرلىرىمنى. لېكىن مېنى رەت قىلدىڭلار چاقىرغىنىمدا، ھېچقايسىڭلار ئىلىك ئالمىدىڭلار قولۇمنى ئۇزاتقىنىمدا. پەرۋا قىلمىدىڭلار نەسىھەتلىرىمنىڭ ھېچقايسىسىغا، خالىمىدىڭلار قۇلاق سېلىشنى تەنبىھلىرىمگە. شۇڭا كۈلىمەن بالايىئاپەتكە يولۇققىنىڭلاردا، سىلەرنى مەسخىرە قىلىمەن ۋەھىمىگە چۈشكىنىڭلاردا، بوراندەك كەلگەن ۋەھىمىدە قالغىنىڭلاردا، بالايىئاپەت قۇيۇندەك يېتىپ كەلگىنىدە، ئازاب ۋە قايغۇ سىلەرنى مۇپتىلا قىلغىنىدا. چاقىرىسىلەر يالۋۇرۇپ شۇ چاغ مېنى، لېكىن بەرمەسمەن سىلەرگە جاۋاب. ھەرقانچە ئىزدىسەڭلارمۇ تاپالمايسىلەر مېنى. چۈنكى نەپرەتلەندىڭلار سىلەر بىلىمدىن، تاللىمىدىڭلار ئەيمىنىشنى خۇدادىن. قوبۇل قىلمىدىڭلار مېنىڭ نەسىھەتلىرىمنى، مەنسىتمىدىڭلار بارلىق تەنبىھلىرىمنى. شۇڭا سىلەر ئۆز بېشىڭلارنى يەيسىلەر، ئۆزۈڭلار كولىغان ئورىغا ئۆزۈڭلار چۈشىسىلەر. بەرھەق، ئۆز جېنىغا زامىن بولىدۇ نادانلار مېنى رەت قىلغانلىقتىن، ئۆزلىرىنى ھالاك قىلىدۇ ھاماقەتلەر بىغەملىكىدىن. بىراق، ماڭا قۇلاق سالغانلار ئامان-ئېسەن ياشايدۇ، يامانلىقنىڭ ۋەھىمىسىدىن خالىي، خاتىرجەم بولىدۇ. ئەي ئوغلۇم، ئەگەر قوبۇل قىلساڭ سۆزلىرىمنى، قەلبىڭدە ساقلىساڭ بۇيرۇقلىرىمنى، قۇلاق سالساڭ دانالىققا، كۆڭۈل قويساڭ ئەقىل-ئىدراكقا، خىتاب قىلساڭ پاراسەتكە تەشنا بولۇپ، چاقىرىساڭ ئەقىل-ئىدراكنى تەلمۈرۈپ، قازساڭ دانالىقنى ئالتۇن-كۈمۈش قازغاندەك، ئىزدىسەڭ ئۇنى يوشۇرۇن خەزىنە ئىزدىگەندەك، شۇ چاغدا پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشنى بىلىسەن، خۇدانى ھەقىقەتەن تونۇيالايسەن. چۈنكى پەرۋەردىگار دانالىق ئاتا قىلغۇچىدۇر. بىلىم بىلەن ئەقىل-ئىدراك ئۇنىڭ سۆزىدىن كېلۇر. ئۇ ساقلاپ قويغاندۇر ياخشىلىقلارنى دۇرۇسلارغا، ئۆزى قالقاندۇر دىيانەت يولىدا ماڭغانلارغا. يولىنى قوغدايدۇ ئۇ ئادىللىقنى ياقلىغۇچىلارنىڭ، ساقلايدۇ ئۇ يولىنى سادىق بەندىلىرىنىڭ. شۇ چاغ ھەققانىيلىق، ئادىللىق ۋە دۇرۇسلۇقنى تونۇيسەن، بۇ ياخشى يوللارنى چۈشىنىسەن. چۈنكى ئورۇن ئالىدۇ دانالىق قەلبىڭدىن، كۆڭلۈڭ يايرايدۇ بىلىمدىن. قوغدايدۇ سېنى پەم-پاراسىتىڭ، مۇھاپىزەت قىلىدۇ ھەم ئەقىل-ئىدرىكىڭ، شۇندا دانالىق قۇتۇلدۇرىدۇ سېنى يامان يولدىن، تىلىنىڭ ئاستىدا تىلى بارلاردىن، ئۇنداقلار توغرا يولنى تاشلاپ، زۇلمەتتە ياشار، يامانلىق قىلىشتىن خۇشاللىنار، رەزىللىكنىڭ نىجىسلىقىدىن شادلىنار، ئەگرى يولدا مېڭىپ ساختىپەزلىك قىلار. دانالىق ساقلار سېنى زىناخور ئايالدىن، شېرىن-شېكەر سۆزلۈك، بۇزۇق خوتۇندىن. بۇنداق خوتۇن تاشلار ياشلىقىدا تەگكەن جورىسىنى، ئۇنتۇپ قالار ئۇ خۇدا ئالدىدا قىلغان ئەھدىسىنى. ئۆلۈمگە ئاپىرىدىغان يولدۇر ئۇنىڭ ئۆيى، ئەرۋاھلار ماكانىغا باشلار ئۇنىڭ يولى. ئۇنىڭ يېنىغا بارغانلارنىڭ بىرىمۇ قايتالماس، ھاياتلىق يولىغا ھەم يېتەلمەس. سەن ماڭ ياخشىلارنىڭ ئىزىدىن، چىقما ھەققانىيلارنىڭ يولىدىن. چۈنكى يېرىمىزدە ماكانلىشار دۇرۇسلار، قېلىپ قالار دىيانەتلىكلەر. لېكىن ئۇ يەردىن تارمار قىلىنار يامانلىق قىلغۇچىلار. يۇلۇپ تاشلىنار ۋاپاسىزلار. ئەي ئوغلۇم، ئۇنتۇما تەلىمىمنى، چىڭ ساقلا قەلبىڭدە بۇيرۇقلىرىمنى. ئۆمۈر قوشار ئۇلار ئۆمرۈڭگە، ئامان-ئېسەنلىك ئېلىپ كېلەر ھاياتىڭغا. مېھرىبانلىق ۋە ساداقەتنى تاشلىما، ئۇلارنى مارجاندەك ئېسىۋال بوينۇڭغا، پۈتۈۋال قەلبىڭنىڭ چوڭقۇر قېتىغا. تاپىسەن ھىممەت ۋە ئىززەت شۇ چاغدا، خۇدانىڭ ھەم ئادەملەرنىڭ نەزىرىدە. ئىشەنمەي ئۆز ئەقلىڭگە، ئىشەن پۈتۈن قەلبىڭ بىلەن پەرۋەردىگارغا، ياد ئەت پەرۋەردىگارنى ھەر ئىشتا، ئوچۇق قىلار يولۇڭنى ئۇ شۇندا. ئۆزۈڭنى ئەقىللىق دەپ سانىما، پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، يامانلىققا يولىما. شۇنداق قىلساڭ، ساغلام بولار تېنىڭ، يىلىككە تولار سۆڭەكلىرىڭ. ئۇلۇغلا پەرۋەردىگارنى، ئاتاپ مال-دۇنيايىڭنى، ھەدىيە قىلىپ ئۇنىڭغا ھوسۇلۇڭنىڭ باش بۇرنىنى. شۇندا تولۇپ تاشار ئامبارلىرىڭ ئاشلىققا، شاراب ئىدىشلىرىڭ يېڭى شارابقا. ئەي ئوغلۇم، باش تارتما پەرۋەردىگارنىڭ تەربىيىسىدىن، بىزار بولما ئۇنىڭ تەنبىھىدىن. چۈنكى ئاتا تەربىيىلىگەندەك ئەتىۋارلىق ئوغلىنى، پەرۋەردىگارمۇ تەربىيىلەر سۆيگەنلىرىنى. دانالىققا ئېرىشكەنلەر، ئەقىل-ئىدراك تاپقانلار بەختلىكتۇر! دانالىق كەلتۈرگەن پايدا كۈمۈشنىڭكىدىنمۇ ئارتۇقتۇر، ئالتۇندىن ئالغان مەنپەئەتتىنمۇ ئەۋزەلدۇر. ئۇ لەئەل-ياقۇتلاردىن قىممەتلىكتۇر، ھەرقانداق ئارزۇلۇق نەرسەڭ ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەستۇر. باردۇر ئۇزۇن ئۆمۈر دانالىقنىڭ ئوڭ قولىدا، بايلىق ۋە شۆھرەت ئۇنىڭ سول قولىدا. بېغىشلار دانالىق يولى شاد-خۇراملىق ساڭا، يېتەكلەر ئۇ سېنى ئامانلىققا. دانالىقنى تۇتۇپ تۇرغۇچىلار ئۈچۈن ئۇ ھاياتلىق دەرىخىدۇر، دانالىقنى مەھكەم تۇتقانلارنىڭ ھەممىسى بەختلىكتۇر. پەرۋەردىگار دانالىقى بىلەن ياراتتى زېمىننى، ئەقلى بىلەن بەرپا قىلدى ئاسماننى. پەرۋەردىگارنىڭ دانالىقى بىلەن چوڭقۇر قايناملار ئېتىلدى، بۇلۇتلار شەبنەم پۈركىدى. ئەي ئوغلۇم، چىڭ تۇت دانالىق ۋە پەم-پاراسەتنى، كۆز ئالدىڭدىن ھەرگىز يوقاتما ئۇلارنى. ئۇلار ھايات بەخش ئېتەر جېنىڭغا، بېزەك بولۇپ ئېسىلار بوينۇڭغا. شۇ چاغ يولۇڭدا يۈرىسەن تىنچ-ئامان، پۇتلىشىپ كەتمەيسەن ھېچقاچان. ياتقاندا ھېچنېمىدىن قورقمايسەن، يېتىپلا تاتلىق ئۇخلايسەن. قورقما تۇيۇقسىز كەلگەن خەۋپتىن، رەزىللەرنىڭ بېشىغا كەلگەن ۋەيرانچىلىقتىن. چۈنكى تايانچىڭدۇر پەرۋەردىگار، ئۇ پۇتلىرىڭنى تۇزاقلارغا چۈشۈشتىن ساقلار. ئەگەر كەلسە ياخشىلىق قىلىش قولۇڭدىن، ياردىمىڭنى ئايىما ھاجەتمەنلەردىن. قوشناڭغا ئېھتىياجلىق نەرسە سەندە بار بولسا، «ئەتە كەل، شۇ چاغدا بېرەي» دەپ ئۇنى قايتۇرما. قوشناڭغا زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتىدە بولما، چۈنكى ئۇ ساڭا ئىشىنىپ خاتىرجەم ياشىدى يېنىڭدا. بىرەرسى ساڭا يامانلىق قىلمىغان بولسا، ئۇنىڭ بىلەن سەۋەبسىز ماجىرالاشما. زوراۋانغا ھەسەت قىلما، ئۇنىڭ يوللىرىدىن ھېچقايسىسىنى تاللىما. چۈنكى ئەگرى ئادەملەر يىرگىنچلىكتۇر پەرۋەردىگارغا، دۇرۇسلارغا ئۇ يېقىن تۇرار ئەمما. پەرۋەردىگارنىڭ لەنىتى تېگەر رەزىللەرنىڭ ئۆيىگە، ئۇ بەخت ئاتا قىلار ھەققانىيلارنىڭ ئائىلىسىگە. ئۇ مەسخىرىچىلەرنى مەسخىرە قىلار، كىچىك پېئىللارغا شەپقەت ياغدۇرار. دانالار شان-شەرەپكە مۇيەسسەر بولار، نادانلار بولسا شەرمەندىلىكتە قالار. ئەي ئوغۇللىرىم، ئاتاڭلارنىڭ تەربىيىسىگە قۇلاق سېلىڭلار. ئەقىل-ئىدراك تېپىش ئۈچۈن كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار. چۈنكى سىلەرگە ئۆگىتىمەن ئىلىم-ھېكمەتنى، تەرك ئەتمەڭلار مېنىڭ تەلىملىرىمنى. كىچىكىمدە ئالغانمەن ئاتامنىڭ تەربىيىسىنى، ئىدىم مەن ئانامنىڭ يالغۇز ئەتىۋارلىقى، ئاتام ماڭا مۇنداق ئۆگەتكەنىدى: _ يۈرىكىڭدە ساقلىغىن سۆزلىرىمنى، ئەمەل قىلغىن بۇيرۇقلىرىمغا، ياشايسەن بەختلىك شۇندا. ئەقىل تاپ، ئېرىش دانالىققا، ئۇنتۇما ئېيتقانلرىمنى، سۆزۈمدىن چىقما. دانالىقتىن ۋاز كەچمە، ئۇ سېنى قوغدار، ئۇنى سۆيگىن، ئۇ سېنى مۇھاپىزەت قىلار. دانالىققا ئېرىشىشتۇر دانالىقنىڭ باشلىنىشى، ئەقىل تاپ، بېرىپ بولسىمۇ پۈتۈن بايلىقىڭنى. دانالىقنى ئەتىۋارلىغىن، ئۇ سېنى ئۈستۈن قىلار. ئۇنى قۇچاقلا ئۇ سېنى شۆھرەتكە ئېرىشتۈرەر. دانالىق تاقار كۆركەم تاج بېشىڭغا، ئىنئام قىلار شەرەپ تاجىنىمۇ ساڭا. سۆزلىرىمنى ئاڭلا، قوبۇل قىل، ئەي ئوغلۇم، شۇندا ئۇزۇن بولار ئۆمرۈڭ. مەن ساڭا كۆرسەتتىم دانالىقنىڭ يولىنى، يېتەكلىدىم توغرا يولدا مېڭىشنى. توسالغۇغا ئۇچرىمايسەن ماڭغىنىڭدا، پۇتلىشىپ كەتمەيسەن يۈگۈرگىنىڭدە. ئالغان تەربىيىنى چىڭ تۇت، ئايرىلما، ئوبدان ساقلا ئۇنى، ئۇ سېنىڭ ھاياتىڭدۇر چۈنكى. كىرمە رەزىللەرنىڭ يولىغا، يۈرمە يامانلارنىڭ ئىزىدا. ئۆزۈڭنى قاچۇر، ئۆتمە ھەم ئۇلارنىڭ يولىدىن، بۇرۇلۇپ ئۆتۈپ كەتكىن ئۇلارغا يولىماستىن، چۈنكى ئۇخلىيالماس ئۇلار يامانلىق قىلمىغىچە، ئۇيقۇسى كەلمەس بىرەرسىنى يىقىتمىغىچە. ئۇلار يەر رەزىللىكنىڭ نېنىنى. ئىچەر زوراۋانلىقنىڭ شارابىنى. تاڭ نۇرىغا ئوخشار ھەققانىيلارنىڭ يولى، قۇياش تولۇق كۆتۈرۈلگىچە نۇرلىنار يورۇغانسېرى. قاراڭغۇ زۇلمەتكە ئوخشار رەزىللەرنىڭ يولى، بىلمەس ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نېمىگە پۇتلىشىپ كېتىشىنى. ئەي ئوغلۇم، سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلا. ئوبدان قۇلاق سال ئېيتقانلىرىمغا، ئۇلارنى كۆز ئالدىڭدىن يوقاتما، قەلبىڭنىڭ چوڭقۇر قېتىدا ساقلا. چۈنكى چۈشەنگەنلەر ئۈچۈن بۇ سۆزلەر ھاياتلىقتۇر، ئۇلارنىڭ تەن ساغلاملىقىدۇر. پاك تۇت بار كۈچۈڭ بىلەن قەلبىڭنى، ئۇ ھايات بۇلىقىدۇر چۈنكى. بىر ئېغىزمۇ ئەگرى گەپ قىلما. تىلىڭنى ھىيلىگەرلىكتىن ساقلا. ئالدىڭغا تىككىن كۆزلىرىڭنى، توغرا تاشلا ھەم نەزىرىڭنى. ھەربىر قەدىمىڭنى ئال توغرا، ئوڭ بولىدۇ ماڭغان يوللىرىڭ شۇندا. ئوڭ، سولغا چەتلىمەي، ئالغا باسقىن، يىراق تۇت پۇتلىرىڭنى يامانلىقتىن. ئەي ئوغلۇم، ھېكمەتلىك سۆزلىرىمگە كۆڭۈل قويغىن، ئاقىلانە مەسلىھەتلىرىمگە قۇلاق سالغىن. شۇندا ئايرىلماس ئەقىل-ئىدراك سەندىن، دۇرۇس سۆزلەر تۆكۈلەر لەۋلىرىڭدىن. ھەسەل تامار بۇزۇق خوتۇننىڭ لەۋلىرىدىن، سىلىقتۇر ئۇنىڭ سۆزلىرى زەيتۇن يېغىدىن. لېكىن ئۇ ئېلىپ كەلگەن ئاقىۋەت ئاچچىقتۇر كەكرىدەك، ئازاب-ئوقۇبەتلىكتۇر خەنجەر بىلەن تىلغاندەك. ئۆلۈمگە باشلار ئۇنىڭ تۇتقان يولى. ئۆلۈكلەر ماكانىغا ئېلىپ بارار باسقان قەدەملىرى. ئۇ ھاياتلىق يولىنى ئويلاپمۇ قويماس، ئەگرى يوللاردا تېنەپ يۈرگەنلىكىنى ئۆزى بىلمەس. ئەي ئوغۇللار، سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار. دېگەنلىرىمدىن چىقماڭلار. بۇنداق خوتۇندىن نېرى قاچ! ئۇنىڭ بوسۇغىسىغا يېقىن يولىما! بولمىسا، ئۆز ئىززىتىڭنى يوقىتىسەن، رەھىمسىزگە قەرزدار بولىسەن. بايلىقىڭدىن ياتلار بەھرىمەن بولار، مېھنەت قىلىپ تاپقانلىرىڭ ئۆزگىنىڭ ئۆيىدە قالار. نالە-پەرياد چېكىسەن ئۆمرۈڭنىڭ ئاخىرىدا، ھېچ مادار قالمىغاندا تەن ۋە ۋۇجۇدۇڭدا. شۇ چاغ دەيسەنكى: _ نېمىشقىمۇ تەربىيىنى ئۆچ كۆرگەندىمەن؟ كۆڭلۈمدە تەنبىھلەرنى مەنسىتمىگەندىمەن؟ ئۇستازلىرىمنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىغاندىمەن؟ ماڭا تەربىيە بەرگەنلەرگە قۇلاق سالمىغاندىمەن؟ تاس قالدىم مانا شەرمەندە بولۇشقا، يىغىلغان جامائەت ئالدىدا. ئىچكىن ئۆز كۆلچىكىڭنىڭ سۇيىدىن، ئۆز قۇدۇقۇڭدىكى سۈزۈك سۇدىن. تاشسۇنمۇ بۇلاقلىرىڭ تاشقىرىغا، ئۆستەڭلىرىڭ كوچىلارغا؟ ئۇلار مەنسۇپ بولسۇن ساڭىلا، ئۇلارنى ئۆزگىلەر بىلەن ئورتاقلاشما. قۇدۇقۇڭ بەرىكەتلىك بولسۇن، ياشلىقىڭدا ئالغان ئايالىڭدىن ھۇزۇر ئالغىن. ئۇ كېيىكتەك سۆيۈملۈك، مارالدەك چىرايلىقتۇر، ئۇنىڭ كۆكسى سېنى قانائەتلەندۈرسۇن، مۇھەببىتىگە دائىم شەيدا بولغىن. ئوغلۇم، نېمىشقا شەيدا بولىسەن بۇزۇق خوتۇنغا؟ نېمىشقا ئاتىسەن ئۆزۈڭنى زىناخور خوتۇننىڭ قوينىغا؟ پەرۋەردىگارنىڭ كۆز ئالدىدىدۇر ئىنساننىڭ قىلغانلىرى، كۆزىتىپ تۇرىدۇ ئۇ ئۇنىڭ بارلىق يوللىرىنى. چۈشۈرىدۇ ياماننىڭ قىلمىشلىرى ئۆزىنى تۇزاققا. ئىلىنىدۇ ئۇ ئۆز گۇناھى بىلەن سىرتماققا. ئۇ ئۆزىنى تۇتالماسلىقىدىن ئۆز جېنىغا زامىن بولىدۇ. چېكىدىن ئاشقان ئەخمەقلىقى تۈپەيلى يولدىن ئازىدۇ. ئەي ئوغلۇم، كېپىل بولغان بولساڭ دوستۇڭغا، ياكى قول بەرگەن بولساڭ كاپالەت ئۈچۈن بىراۋغا، تۇتۇلۇپ ئاغزىڭدىن چىققان سۆزۈڭ بىلەن، باغلىنىپ قالغان بولىسەن ئۆز ۋەدەڭ بىلەن، قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزۈڭنى بۇنىڭدىن، بۇنداق قىل، ئۇ كىشىنىڭ يېنىغا دەرھال بارغىن، ئۇنىڭدىن ئۆتۈنۈپ سورا تۆۋەنچىلىك بىلەن، چۈنكى ئۇنىڭ ئىلكىدىسەن بەرگەن ۋەدەڭ بىلەن. قۇتۇلمىغىچە ئۇخلاپ ياتما، كىرپىك قاقما، ئازاد قىل ئۆزۈڭنى ئوۋچى قولىدىن قاچقان كېيىكتەك، ئوۋچىنىڭ تورىدىن قۇتۇلغان قۇشتەك. ئەي ھۇرۇن، ئال چۈمۈلىلەردىن ئۈلگە، ئەقىل تاپ قاراپ ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىگە. يوقتۇر باشلىق، نازارەتچى، ھۆكۈمدار ئۇلاردا. لېكىن تەييارلار ئۇلار قىشنىڭ ئوزۇقىنى يازدا، ئاشلىق توپلار ھوسۇل يىغىش ۋاقتىدا. ئەي ھۇرۇن، سەن قاچانغىچە ئۇخلايسەن؟ قاچان ئورنۇڭدىن تۇرىسەن؟ دەيسەنكى: بىرئاز كۆزۈمنى يۇمۇۋالاي، بىردەم ئۇخلىۋالاي، يەنە بىردەم پۇت-قولۇمنى ئالماپ يېتىۋالاي. يېتىۋەرسەڭ يېنىڭغا كېلەر قاراقچىدەك نامراتلىق، قوراللىق بۇلاڭچىدەك ھەم موھتاجلىق. ئۆكتەملەر بىلەن يامانلار يالغان-ياۋىداق سۆزلەپ يۈرىدۇ. كۆز قىسىپ، پۇت-قولى بىلەن شەرەت قىلىدۇ، قارا نىيىتى بىلەن يامانلىق پىلانلايدۇ، ھەمىشە جېدەل-ماجىرا تېرىدۇ. شۇڭا، كېلىدۇ تۇيۇقسىز بالا-قازا ئۇلارغا، بىردىنلا بىتچىت بولۇپ قالار قۇتقۇزۇلغۇسىز ھالغا. پەرۋەردىگارنىڭ يىرگىنىدىغان ئىشى ئالتە، ياق، نەپرەتلىنىدىغان ئىشى يەتتە. ئۇلار بولسىمۇ تەكەببۇر قارايدىغان كۆز، يالغان-ياۋىداق سۆزلەيدىغان تىل، بىگۇناھلارنىڭ جېنىنى ئالىدىغان قول، سۇيىقەست ئويلايدىغان كۆڭۈل، يامانلىققا يۈگۈرىدىغان پۇت، ئاغزىدىن يالغانچىلىق تۆكۈلىدىغان ساختا گۇۋاھچى، ھەم قېرىنداشلار ئارا ماجىرا چىقارغۇچى. ئەي ئوغلۇم، ئەمەل قىل بۇيرۇقىغا ئاتاڭنىڭ، چىقما تەلىمىدىن ئاناڭنىڭ. ئورنىتىپ ئۇلارنىڭ سۆزىنى قەلبىڭگە، ئېسىۋال مارجان قىلىپ بوينۇڭغا. نەگىلا بارساڭ، يول باشلار ئۇ ساڭا، قوغدار سېنى ئۇخلىغىنىڭدا، مەسلىھەت بېرەر ساڭا ئويغانغىنىڭدا. چۈنكى بۇيرۇق بولسا چىراغدۇر، تەلىم بولسا نۇردۇر، تەربىيىنىڭ ئۆزى ھايات يولىدۇر. ئۇلار ساقلار سېنى بۇزۇق خوتۇندىن، زىناخور خوتۇننىڭ شېرىن سۆزلىرىدىن. بېرىلىپ كەتمە ئۇنىڭ گۈزەللىكىگە، ئەسىر بولۇپ كەتمە قاش-كۆز ئوينىتىشىغا. نان ھەققى يېتەر پاھىشە ئايالغا، ئۆزگىنىڭ خوتۇنى ئەزىز جېنىڭنى ئالار قارىغا. كىيىمى كۆيمەمدۇ ئېتىكىگە چوغ سالغۇچىنىڭ؟ پۇتى كۆيمەمدۇ چوغ ئۈستىدە ماڭغۇچىنىڭ؟ ئوخشاشتۇر ئۆزگىنىڭ خوتۇنى بىلەن زىنا قىلغۇچىنىڭ ئاقىۋىتى، قۇتۇلالماس جازادىن ئۇنىڭ بىلەن بىر ئورۇندا ياتسا كىمكى. كىشىلەر كەمسىتمەيدۇ ئاچلىقتىن ئوغرىلىق قىلغان ئوغرىنى، لېكىن تۇتۇلۇپ قالسا، تۆلەيدۇ ئۇ بىرگە يەتتە ھەسسە تۆلەمنى، تاپشۇرىدۇ ئۆي ئىچىدىكى بارلىق بىساتىنى. ئەمما ئۆزگىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلغۇچى، يوقتۇر ئەقلى، ھالاك قىلىدۇ ئۆز ئۆزىنى. ئۇ چوقۇم شەرمەندە بولۇپ، تاياق يەيدۇ، يۇيۇپ چىقارغۇسىز رەسۋاچىلىققا قالىدۇ. چۈنكى ئايالنىڭ ئېرى غەزەپكە كېلەر كۈندەشلىك ئوتىدا، ھەرگىز رەھىم قىلماس ئۇ ئىنتىقام ئالغاندا. ھەرقانداق تۆلەمگە ئۇ قاراپمۇ قويماس، بەرسەڭمۇ قانچىلىك سوۋغات، ئۇ رازى بولماس. ئەي ئوغلۇم، ئەمەل قىل سۆزلىرىمگە، بۇيرۇقلىرىمنى قەدىرلە. ئەمەل قىل ئۇلارغا، بەختلىك ياشايسەن شۇندا. تەلىملىرىمنى كۆز قارىچۇقۇڭدەك ئاسرا. ئۇلارنى تېڭىپ بارماقلىرىڭغا، پۈتۈۋال قەلبىڭنىڭ چوڭقۇر قېتىغا. ئاچا-سىڭىل دەپ تونۇغىن دانالىقنى، ئۇرۇق-تۇغقان دەپ ئاتىغىن پاراسەتنى. شۇندا ساقلار ئۇلار سېنى زىناخور ئايالدىن، تىلى شېرىن، بۇزۇق خوتۇندىن. ئۆيۈمنىڭ دېرىزە پەنجىرىسىدىن تاشقىرىغا قارىغىنىمدا بىر قېتىم، ساددا ياشلار ئارا بىر ئەقىلسىز يىگىتنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ كوچا ياقىلاپ مېڭىۋەردى. بىر خوتۇننىڭ دوقمۇشتىكى ئۆيى تەرەپكە مېڭىپ قالدى. بۇ، كۈن پېتىپ، كېچە قاراڭغۇسى چۈشۈشكە باشلىغان ۋاقىت ئىدى. مانا، بىر خوتۇن يىگىتنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ پاھىشىدەك ياسىنىۋالغان بولۇپ، نىيىتى بۇزۇق ئىدى. بىشەم ۋە باشباشتاق بولۇپ، ئۇ ئۆيىدە ئولتۇرمايتتى. ئەرلەرنى ئېزىقتۇرۇشقا ساقلايتتى ھەر بىر دوقمۇشتا، بەزىدە كوچىلاردا، بەزىدە بازارلاردا. ئۇ ھېلىقى يىگىتكە ئېسىلىپ، سۆيۈپ، قېلىنلىق بىلەن ئېيتتى: _ ئۆيۈمدە بار «ئامانلىق قۇربانلىقى»نىڭ گۆشى، بۈگۈن قىلدىم خۇداغا ۋەدە قىلغان بۇ قۇربانلىقنى. شۇڭا، سىز بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن چىققانىدىم، ئەمدى سىزنى ئىزدەپ تېپىۋالدىم. كارىۋىتىمنى مىسىرنىڭ رەڭلىك ياپقۇچلىرى بىلەن ياپتىم. ئورۇن-كۆرپىلىرىمگە مۇرمەككى، مۇئەتتەر ۋە دارچىنلار چاچتىم. كېلىڭ، تاڭ ئاتقۇچە قېنىپ ئوينىشايلى، بىر-بىرىمىزنىڭ قوينىدا لەززەتلىنەيلى. چۈنكى ئېرىم ئۆيدە يوق، چىقىپ كەتتى يىراق سەپەرگە، ئېلىپ بىر ھەميان كۈمۈش تەڭگە، ئۆيگە قايتمايدۇ ئاي تولغۇچە. بەند قىلدى ئايال ئۇنى ئۆزىگە شېرىن سۆزلىرى بىلەن، ئېزىقتۇردى ئۇنى ياغلىما گەپ بىلەن. ياش يىگىت ئۇ ئايالغا ئويلىمايلا ئەگەشتى، قۇشخانىغا ئېلىپ ماڭغان ئۆكۈز كەبى، قاپقانغا چۈشۈش ئالدىدىكى بۇغا كەبى، قىلتاققا ئۆزىنى ئېتىۋاتقان قۇش كەبى، ئوق تېشىپ ئۆتمىگۈچە ئۇنىڭ جىگىرىنى، بىلمەس ئۇ زىنانىڭ ھاياتىغا زامىن ئىكەنلىكىنى. ئەي ئوغۇللىرىم، ئەمدى قۇلاق سېلىڭلار سۆزلىرىمگە، ئېتىبار بېرىڭلار دېگەنلىرىمگە. بۇنداق خوتۇن يولىغا مايىل بولمىسۇن كۆڭلۈڭلار، ئۇنىڭ يولىغا كىرىپ ئادىشىپ كەتمەڭلار. بۇنداق ئايال نابۇت قىلغان نۇرغۇن كىشىلەرنى، ھاياتىدىن ئايرىغان سانسىز ئەرلەرنى. ئېلىپ بارار ئۇنىڭ ئۆيى گۆرگە، ئۆلۈكلەر ماكانىدىكى چوڭقۇر يەرگە. دانالىق چاقىرمىدىمۇ؟ ئەقىل-ئىدراكنىڭ ئاۋازى ياڭرىمىدىمۇ؟ تۇرۇپ ئۇ يول بويىدىكى ئېگىز جايلاردا، تۆت كوچىلاردا، جاكارلىماقتا شەھەر دەرۋازىلىرىنىڭ يېنىدا، شەھەرگە كىرىش ئېغىزلىرىدا: ئەي ئىنسانلار، سىلەرنى چاقىرىۋاتىمەن، ئادەم بالىلىرىغا خىتاب قىلىۋاتىمەن. ئەي گول ئادەملەر، ئۆگىنىڭلار زېرەكلىكنى، ئەي نادانلار، ئۆگىنىڭلار ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىشنى. قۇلاق سېلىڭلار، ئېيتماقچىمەن يۈكسەك ئىشلارنى، دۇرۇستۇر ئاغزىمدىن چىققانلىرى. ھەقىقەتنى سۆزلەيمەن، يالغان سۆزلەشتىن نەپرەتلىنىمەن. ئېيتقانلىرىمنىڭ ھەممىسى ھەقتۇر، ئۇنىڭدا ھىيلىگەرلىك ياكى ساختىلىق يوقتۇر. ئېنىقتۇر بارلىق سۆزلىرىم چۈشەنگەنلەرگە، توغرىدۇر ئۇلار بىلىم ئالغانلارغا. قوبۇل قىلىڭلار كۈمۈشنىڭ ئورنىغا نەسىھەتلىرىمنى، ساپ ئالتۇننىڭ ئورنىغا بىلىمنى. چۈنكى دانالىق لەئەل-ياقۇتلاردىنمۇ قىممەتلىكتۇر، ھەرقانداق ئارزۇلۇق نەرسە ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەستۇر. مەن دانالىقمەن، ئەقىل-ئىدراك بىلەن بىللە ياشايمەن. بىلىم ۋە پەم-پاراسەتنىڭ ئىگىسىمەن. پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش يامانلىقتىن نەپرەتلىنىشتۇر. نەپرەتلىنىمەن تەكەببۇرلۇق، مەنمەنلىك، يامان يول، يالغان سۆزدىن. ئىگىسىمەن نەسىھەت ۋە ھېكمەتنىڭ، ئەقىل ھەم كۈچ-قۇدرەتنىڭ. مەن ئارقىلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ پادىشاھلار، ئادىل قانۇن-پەرمان چىقىرىدۇ ھۆكۈمدارلار. مەن ئارقىلىق ئىدارە قىلىدۇ ھوقۇقدارلار، ئەمەلدارلار، بارلىق ئادىل ھۆكۈم چىقارغۇچىلار. سۆيىمەن مەنمۇ مېنى سۆيگەنلەرنى، تاپالايدۇ تىرىشىپ ئىزدىگەنلەر مېنى، مەندە باردۇر بايلىق ۋە شۆھرەت، تۈگىمەس مال-دۇنيا ۋە ھەققانىيەت. مەن بېرىدىغان مېۋە ئالتۇندىن، ھەتتا ساپ ئالتۇندىن قىممەتلىكتۇر. مەندىن كېلىدىغان پايدا ساپ كۈمۈشتىنمۇ ئەۋزەلدۇر. مەن ھەققانىيەت يولىدا ماڭىمەن، ئادالەت يولىدا ئىلگىرىلەيمەن. مېنى سۆيگەنلەرگە بايلىق بېرىمەن، ئۇلارنىڭ خەزىنىلىرىنى تولدۇرىمەن. پەرۋەردىگار ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن مېنى ئۆز ئىشلىرىنى باشلىشىدىن بۇرۇنلا، ھەممە مەۋجۇداتلارنىڭ ھېچ نېمىنى يارىتىشتىن بۇرۇنلا، بەرپا بولغانمەن ئەلمىساقتىلا، ئەزەلدىن تارتىپلا، يەر-زېمىن تېخى يارىتىلماستىلا. تۆرەلگەنمەن دېڭىز-ئوكيانلار يوقتىلا، بۇلاقلار كۆز ئاچماستىلا، تۆرەلگەنمەن ئېگىز تاغلار شەكىللەنمەستىلا، تۆپىلىكلەر پەيدا بولماستىلا، خۇدا بىپايان زېمىن، كەڭ دالىلارنى ياراتماستىلا، زېمىندىكى توپا-چاڭلار تېخى مەۋجۇت بولماستىلا. ئۇ يەردە ئىدىم خۇدا ئاسماننى ئورناتقىنىدا، دېڭىز يۈزىگە ئۇپۇق سىزىقىنى سىزغىنىدا، ئاسمانغا بۇلۇتلارنى ئورۇنلاشتۇرغىنىدا، دېڭىز-ئوكيانلارنى سۇ بىلەن تولدۇرغىنىدا، ئۇ سۇلار تاشمىسۇن دەپ، ئەمر قىلىپ دېڭىزغا چەك قويغىنىدا، يەر-زېمىننىڭ ئۇلىنى بەلگىلىگىنىدە. مەن ئۇنىڭ يېنىدىكى ئۇستا ھۈنەرۋەن ئىدىم. ھەر كۈنى مەن ئۇنىڭ خۇشاللىقى ئىدىم، مەنمۇ ھەردائىم ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا شادلىناتتىم. ئۇ ياراتقان پۈتكۈل ئالەم ئۈچۈن شادلىناتتىم. دۇنيادىكى ئىنسانلاردىن سۆيۈنەتتىم. ئەمدى ماڭا قۇلاق سېلىڭلار، ئەي ئوغۇللار، نەقەدەر بەختلىكتۇر يولۇمنى تۇتقانلار! تەلىم-تەربىيەمگە قۇلاق سېلىپ، ئەقىل تېپىڭلار، ئۇلارغا بىپەرۋالىق قىلماڭلار. نەقەدەر بەختلىكتۇر ئىشىك ئالدىمدىن كەتمەي ھەر كۈنى، بوسۇغامدا كۈتۈپ سۆزۈمنى ئاڭلايدىغان كىشى! چۈنكى مېنى تاپقانلار ھاياتلىقنى تاپار. پەرۋەردىگارنىڭ رازىلىقىغا ئىگە بولار. ئۆزى زىيان تارتار مېنى قولدىن بېرىپ قويغانلار، ئۆلۈمنى ياخشى كۆرگەنلەردۇر مېنى يامان كۆرگەنلەر. سالدى دانالىق بىر ئۆي ئۆزىگە، ئورناتتى يەتتە تۈۋرۈك ئۇنىڭغا. سويۇپ مال، تەييارلاپ شارابنى، يايدى ئۇ داستىخىنىنى. ئەۋەتتى دېدەكلىرىنى ئۆز زىياپىتىگە چاقىرىشقا، تۇرغۇزدى شەھەرنىڭ ئەڭ ئېگىز جايلىرىدا: «ئەي ساددىلار، بۇ يەرگە كېلىڭلار!» دەپ چاقىرغۇزدى، ئەقىلسىزلەرگە ئۇ مۇنداق ئېيتتى: «ئەتكەن غىزايىمغا ئېغىز تېگىڭلار، تەييارلىغان شارابىمنى ئىچىڭلار. نادانلىق يولىنى تاشلاڭلار، بەختلىك ياشايسىلەر شۇندا، مېڭىڭلار ئاقىللىق يولىدا». كىمكى تەنبىھلىسە مازاق قىلغۇچىلارنى، ئۇچرار ئاھانەتكە، ئەيىبلىسە رەزىللەرنى، قالار ھاقارەتكە. ئەيىبلىمە مازاق قىلغۇچىلارنى، بولمىسا ساڭا ئۆچ بولۇپ قالار، گەر ئەيىبلىسەڭ دانالارنى، سۆيەر سېنى ئۇلار. تەلىم بەرسەڭ داناغا، زىيادە بولار ئۇنىڭ ئەقلى، ئۆگەتسەڭ ھەققانىي ئادەمگە، ئاشار ئۇنىڭ بىلىمى. پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش دانالىقنىڭ باشلىنىشىدۇر. بىردىنبىر مۇقەددەس بولغۇچىنى بىلىشنىڭ ئۆزى ئەقىل-ئىدراكتۇر. ماڭا ئەگەشسەڭ، ئۆمرۈڭ ئۇزۇن بولار. يېشىڭغا ياش قوشۇلار. دانا بولساڭ، ئۆزۈڭ كۆرىسەن پايدىسىنى، مازاق قىلساڭ، ئۆزۈڭ تارتىسەن زىيىنىنى. نادانلىق ئوخشار بىشەم ۋە ھېچنېمىگە قارىمايدىغان كالۋا خوتۇنغا، ئولتۇرۇپ ئۇ ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا، شەھەرنىڭ ئەڭ ئېگىز جايىدا، يېنىدىن ئۆتۈپ، تۈز يولدا كېتىۋاتقانلارغا توۋلىدى: «ئەي ساددىلار، بۇ يەرگە كېلىڭلار!» دەپ چاقىردى، ئەقىلسىزلەرگە ھەم مۇنداق ئېيتتى: «ئوغرىلاپ ئىچكەن سۇ تاتلىقتۇر، يوشۇرۇپ يېگەن نان تەملىكتۇر». بىراق، بىلمەس ئاڭلىغۇچىلار ئۇ يەرنىڭ ئەرۋاھلار ماكانى ئىكەنلىكىنى، ئۆيىگە چاقىرىلغانلارنىڭ گۆرگە كىرىپ بولغانلىقىنى. سۇلايمان پادىشاھنىڭ پەند-نەسىھەتلىرى: دانا ئوغۇل شادلاندۇرار ئاتىسىنى، نادان ئوغۇل قايغۇغا سالار ئانىسىنى. پايدا بەرمەس ھارام بايلىق، ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرار ھەققانىيلىق. ئاچ قويماس خۇدا ھەققانىيلارنى، ئەمەلگە ئاشۇرماس يامانلارنىڭ ئارزۇسىنى. نامرات بولار قول قوشتۇرۇپ ئولتۇرغانلار، بايلىق كەلتۈرەر ئۆز قولى بىلەن ئىشچانلار. ئەقىل-ئىدراكلىق ئوغۇلدۇر ھوسۇلنى ۋاقتىدا يىغقان، ئۇياتقا قالدۇرىدىغان ئوغۇلدۇر ئورما مەزگىلىدە ئۇخلىغان. بەرىكەت ھەققانىيلارنىڭ بېشىغا ياغار، زوراۋانلىقىنى يامانلارنىڭ سۆزلىرى يوشۇرار. ھەققانىيلار مۇبارەك ئەسلىمىلەر قالدۇرار. يامانلارنىڭ نامى تېزلا ئۇنتۇلۇپ قالار. قەلبىدە دانالىق بولغان نەسىھەتنى قوبۇل قىلار، ئەخمەقلەرچە سۆزلىگەن بالاغا قالار. دىيانەت يولىدا ماڭغاننىڭ قەدىمى بىخەتەردۇر، ئەگرى يولدا يۈرگەننىڭ قۇيرۇقى بىر تۇتامدۇر. غەرەزلىك كۆز قىسقان غەم-قايغۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرار، ئەخمەقلەرچە سۆزلىگەن بالادا قالار. ھاياتلىق بۇلىقىدۇر ھەققانىينىڭ سۆزى، يوشۇرار زوراۋانلىقىنى يامانلارنىڭ تىلى. ئۆچمەنلىك جېدەل-ماجىرا قوزغار، مېھىر-مۇھەببەت بارلىق گۇناھلارنى ياپار. ئاقىلنىڭ لەۋلىرىدىن دانالىق تامار، ئەقىلسىزنىڭ دۈمبىسىگە دەررە تەييار تۇرار. دانالار بىلىمىنى ئىچىدە ساقلار، ئەخمەقنىڭ تىلى ھالاكەت چاقىرار. بايلارنىڭ مەزمۇت قورغىنىدۇر ئۆز بايلىقى. نامراتلارنىڭ ھالاكىتىدۇر ئۆز يوقسۇزلۇقى. ھاياتلىقتۇر ھەققانىينىڭ ئېرىشكىنى، گۇناھتۇر رەزىلنىڭ تاپقىنى. تەربىيىنى قوبۇل قىلغۇچى ھاياتلىق يولىدىدۇر، تەنبىھنى رەت قىلغۇچى يولدىن ئازغان كىشىدۇر. ئۆچمەنلىكىنى يوشۇرغۇچىنىڭ سۆزى يالغان. ئەخمەقتۇر باشقىلارغا تۆھمەت چاپلىغان. گۇناھتىن خالىي بولماس كۆپ سۆزلەيدىغان، دانادۇر تىلىنى تارتقان. ساپ كۈمۈشتۇر ھەققانىينىڭ لەۋزى، ئەرزىمەستۇر يامانلارنىڭ كۆڭلى. ھەققانىينىڭ سۆزى كۆپكە ئوزۇق بولار، ئەخمەقلەر ئەقىلسىزلىقىدىن ھالاك بولار. بايلىق كەلتۈرەر پەرۋەردىگارنىڭ بەرىكىتى، قوشماس بۇ بايلىققا دەرد-ئەلەمنى. ھۇزۇرلىنار ئەقىلسىز يامانلىق قىلغىنىدىن، زوقلىنار ئاقىل دانالىق ئىشىدىن. ياماننىڭ قورققىنى ئۇنىڭ بېشىغا چۈشەر، ھەققانىيلارنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشار. قۇيۇندىن كېيىن يامان ئادەم يوقىلار، ھەققانىي ئادەم مەڭگۈلۈك ئۇلدەك مەزمۇت قالار. سىركە چىشنى، تۈتۈن كۆزنى ئېچىشتۇرار، ھۇرۇن ئۆزىنى ئىشقا سالغۇچىنى ئاۋارە قىلار. ئۇزارتار پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئۆمۈرنى، قىسقا بولار يامانلارنىڭ ئۆمرى. شادلىق ئېلىپ كېلەر ھەققانىيلارنىڭ ئۈمىدى، يوققا چىقار يامانلارنىڭ كۈتكىنى. پەرۋەردىگارنىڭ يولى دىيانەتلىكلەر ئۈچۈن باشپاناھدۇر، يامانلىق قىلغۇچىلار ئۈچۈن ھالاكەتتۇر. مۇستەھكەم تۇرار ھەققانىي ئادەم ئۆز ئورنىدا، ئۇزۇن تۇرالماس يامانلار زېمىندا. ھەققانىينىڭ ئاغزىدىن دانالىق تۆكۈلەر، يالغان سۆزلەيدىغان تىل كېسىلەر. ھەققانىينىڭ سۆزى كىشىلەرگە ياقار، يامانلارنىڭ ئاغزىدىن قۇۋلۇق-شۇملۇق چىقار. پەرۋەردىگار يىرگىنەر مەككارنىڭ تارازىسىدىن، خۇرسەن بولار ھەققانىينىڭ تارازا تېشىدىن. تەكەببۇرلۇق كەينىدىن كېلەر شەرمەندىلىك، ھەمراھ بولار كەمتەرلىككە دانالىق. يېتەكلەر دۇرۇسلارنى دىيانەتلىكى، ۋەيران قىلار كاززاپلارنى ئۆز ھىيلىگەرلىكى. مال-دۇنيانىڭ پايدىسى بولماس خۇدا غەزەپكە كەلگەن كۈنى، ھەققانىيلىق بولسا ئۆلۈمدىن قۇتقۇزار ئادەمنى. دىيانەتلىك كىشىنىڭ ھەققانىيلىقى ئۇنىڭ يولىنى ئوچۇق قىلار، يامان ئادەم ئۆز يامانلىقىدىن يىقىلار. دۇرۇسلارنى ھەققانىيلىقى قۇتقۇزار، ساتقۇنلار ئۆز نەپسىدىن تۇتۇلار. ئۆلسە يامان ئادەم، ئارزۇسى يوققا چىقار، باي بولۇش ئۈمىدى كۆپۈككە ئايلىنار. ھەققانىي كىشى كۈلپەتتىن قۇتۇلدۇرۇلار، يامان ئادەم ئەكسىچە كۈلپەتكە دۇچار بولار. خۇداسىزلار يېقىنىنى تىلى بىلەن ھالاك قىلار، ھەققانىيلار بىلىمى بىلەن قۇتقۇزۇلار. ئەل-يۇرت شاد بولار، ھەققانىيلار روناق تاپسا، تەنتەنە قىلار، يامانلار ھالاك بولسا. ئەل-يۇرت گۈللەپ ياشىنار دۇرۇسلارنىڭ بەرىكەت تىلەشلىرىدىن، خاراب بولار يامانلارنىڭ تىلىدىن. ئەقىلسىز كەمسىتەر يېقىنىنى، سۈكۈت قىلار ئەقىل ئىگىسى. چېقىمچى ئاشكارىلار مەخپىيەتلىكنى، ئىشەنچلىك كىشى چىڭ ساقلار سىرنى. ئەل ۋەيران بولار، مەسلىھەتسىز بولسا، غەلىبە قىلار مەسلىھەتچىلەر كۆپ بولسا. كۆپ زىيان تارتار ياتقا كېپىل بولغۇچى، ئامان بولار كېپىللىكتىن باش تارتقۇچى. سازاۋەر بولار لاتاپەتلىك ئايال ھۆرمەتكە، پەقەت ئىگە بولار زوراۋانلار بايلىققا. كەلتۈرەر رەھىمدىل ئۆزىگە پايدا، ئۇچرىتار رەھىمسىز ئۆزىنى زىيانغا. كۆپۈكتەك بولار يامانلارنىڭ تاپقىنى. چوقۇم ئىنئام ئالار ھەققانىيلىق ئۇرۇقىنى چاچقۇچى. ھاياتلىققا ئېرىشەر چىن ھەققانىي كىشى، ئۆلۈمگە يۈزلىنەر يامانلىقنى قوغلاشقۇچى. پەرۋەردىگار يىرگىنەر كۆڭلى ئەگرىلەردىن، خۇرسەن بولار يولى دىيانەتلىكلەردىن. سۆزسىزكى، يامانلار چوقۇم جازالىنار، ھەققانىيلارنىڭ ئەۋلادى قۇتقۇزۇلار. ھۆسنى بار ئەقلى يوق خوتۇن ئوخشار، چوشقا تۇمشۇقىغا ئېسىلغان ئالتۇن ھالقىغا. ياخشىلىققا باشلار ھەققانىيلارنىڭ ئارزۇسى، غەزەپ-نەپرەتتە قالدۇرار يامانلارنىڭ كۈتكىنى. بىرى سېخىي بولۇپ، بايلىقى يەنىلا ئاشار، يەنە بىرى بېخىل بولۇپ ئەكسىچە نامراتلىشار. روناق تاپار مەردلەر، سۇ بەرگەنلەرگە سۇ بېرىلەر. قالار ئاشلىقنى ۋاقتىدا ساتمىغانلار خەلقنىڭ لەنىتىگە، بەرىكەت تىلىنەر ئاشلىقنى ۋاقتىدا سېتىپ بەرگەنلەرگە. ياخشىلىق قىلىشقا ئىنتىلگۈچى كۆرەر ياخشىلىق، يامانلىق قىلىشنى كۆزلىگۈچىگە كېلەر يامانلىق. يىقىلىپ چۈشەر مال-دۇنياسىغا تايانغانلار، ئەتىيازنىڭ بىخىدەك كۆكلەر ھەققانىيلار. مىراس ئالالماس ئۆيىدىكىلەرگە كۈلپەت كەلتۈرگۈچى، دانانىڭ چاكىرى بولۇپ قالار ئەقىلسىز كىشى. ھاياتلىق دەرىخىدۇر ھەققانىينىڭ مېۋىسى، ئاقىلدۇر كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئۇتقۇچى. سەۋەنلىكلىرى ئۈچۈن بۇ دۇنيادا جازالانغان تۇرسا ھەققانىيلار، يامانلار بىلەن گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولار؟ تەربىيىنى سۆيگەن بىلىمنى سۆيگۈچىدۇر. تەنبىھنى ئۆچ كۆرگەن ھاماقەتتۇر. ياخشى ئادەم پەرۋەردىگارنىڭ شاپائىتىگە مۇيەسسەر بولار، بەتنىيەت ئادەمنى پەرۋەردىگار جازاغا ھۆكۈم قىلار. ئادەم يامانلىق قىلىپ ئامان بولماس، ھەققانىيلارنىڭ يىلتىزى قومۇرۇلماس. پەزىلەتلىك ئايال ئېرىنىڭ تاجىدۇر، شەرمەندە خوتۇن ئېرىنىڭ كۈچىنى خوراتقۇچىدۇر. ھەققانىيلارنىڭ ئويلىرى ئادىللىقتۇر، يامانلارنىڭ مەسلىھىتى مەككارلىقتۇر. قان تۆكىدىغان تۇزاقتۇر يامانلارنىڭ تىلى، ئادەمنى تۇزاقتىن قۇتقۇزار ھەققانىيلارنىڭ سۆزى. يامانلار ۋەيران قىلىنىپ يوقىلار، ھەققانىيلارنىڭ ئۆيى مەزمۇت تۇرار. ئەقىل-ئىدرىكىگە قاراپ ئادەم ماختاشقا سازاۋەر بولار، ئەگرى ئوي-پىكىرلىك كىشى كۆزگە ئىلىنماي قالار. ئېتىبارسىز قارالسىمۇ چاكار ياللىغان كىشى، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ نانغا زار بولغۇچىدىن ياخشى. ھەققانىي ئادەم ئۆز مال-ۋارىنىنى ئاسرىماي قالماس، يامان ئادەمنىڭ «رەھىمدىللىكى» زالىملىقتۇر خالاس. يېرىگە ئىشلىگەننىڭ قورسىقى توق. قۇرۇق خىيال سۈرگەننىڭ ئەقلى يوق. كۆز قىزارتار رەزىلنىڭ ئولجىسىغا يامانلار، يىلتىز تارتىپ مېۋە بېرەر ھەققانىيلار. يامان كىشى ئۆز ئاغزىنىڭ گۇناھىدىن تۇتۇلار، ھەققانىي ئادەم مۈشكۈللۈكتىن قۇتۇلار. ئادەم ياخشى سۆزى بىلەن ياخشىلىق تاپار، مېھنىتى بىلەن ئىنئامغا سازاۋەر بولار. ئەخمەقنىڭ يولى ئۆز نەزىرىدە توغرىدۇر، نەسىھەتكە قۇلاق سالغۇچى دانادۇر. تېزلا بىلىنەر كەلسە ئەخمەقنىڭ ئاچچىقى، ھاقارەتكە ئۇچرىغاندا زېرەك چاندۇرماس ئىنكاسىنى. بىلدۈرەر ھەق سۆزلىگۈچى ئادىللىقنى، يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈچى ساختىلىقنى. ئويلىمايلا قىلغان سۆز قىلىچتەك تىقىلار، دانالارنىڭ سۆزى داۋا بولار. راست گەپ مەڭگۈ پۇت تىرەپ تۇرار، يالغان گەپ بىردەملىك بولار. يامان نىيەتلىك كىشىنىڭ كۆڭلىدە ھىيلىگەرلىك بولار. تىنچ-ئامانلىقنى دەۋەت قىلغۇچىلار خۇشاللىق تاپار. ھەققانىي ئادەمنىڭ بېشىغا ھېچ كۈلپەت چۈشمەس، رەزىللەر بەختسىزلىكتىن قۇتۇلالماس. پەرۋەردىگار يىرگىنەر يالغان سۆزلەردىن، خۇرسەن بولار سۆز-ھەرىكىتى سەمىمىي بولغانلاردىن. بىلىندۇرمەس زېرەكلەر ئۆز بىلىمىنى، ئاشكارىلار ئەخمەقلەر ئۆزىنىڭ نادانلىقىنى. تىرىشچان قول ھوقۇق تۇتار، ھۇرۇن ئالۋانغا تۇتۇلار. مۈكچەيتەر غەم-ئەندىشە كىشىنى، خۇش قىلار بىر ئېغىز ياخشى سۆز ئادەمنى. ھەققانىيلار يېقىنىغا يول كۆرسىتەر، يامانلارنىڭ يولى ئۆزلىرىنى ئازدۇرار. ھۇرۇن ھەتتا ئېرىنەر پىشۇرۇشقا ئوۋلىغان ئوۋنى، تىرىشچانلىق بولسا ئادەمنىڭ قىممەتلىك بايلىقى. ھەققانىيلارنىڭ يولىدا ھاياتلىق باردۇر، بۇ يول ئۆلۈمگە يېتەكلىمەيدىغان يولدۇر. دانا ئوغۇل ئاتىسىنىڭ تەربىيىسىگە كۆڭۈل قويار، مەسخىرە قىلغۇچى تەنبىھتىن ئۆزىنى تارتار. ياخشى ئادەم ئۆز سۆزىدىن ياخشىلىق تاپار، خائىنلار زوراۋانلىقنىڭ كويىدا بولار. ئاغزى چىڭ جېنىنى ساقلاپ قالار، ئاغزى ئىتتىك ھالاكەتكە يۈز تۇتار. ئېرىشەلمەس ھۇرۇنلار كۆڭلى خالىغان ھەر قانداق نەرسىگە، ئېرىشەر تىرىشچانلار بارلىق ئارزۇسىغا. يالغانچىلىقتىن يىرگىنەر ھەققانىيلار، ئۇياتسىزلىق قىلىپ شەرمەندە بولار يامانلار. ئادىللىق قوغدار ھەققانىينى، رەزىللىك يىقىتار گۇناھكارنى. بەزىلەر باي كۆرسىتەر ئۆزىنى، لېكىن بۇ قۇرۇق سۆلەتتۇر، بەزىلەر يوقسۇل كۆرسىتەر ئۆزىنى، ئەمما كاتتا بايلاردۇر. بايلىق باينىڭ جېنىغا تۆلەم بولار. يوقسۇل تەھدىتتىن خالىي بولار. پارلاپ تۇرار ھەققانىينىڭ نۇرى، ئۆچۈرۈلەر ياماننىڭ چىرىغى. چىقار پەقەت جېدەل-ماجىرا كىبىرلىكتىن، تېپىلار دانالىق نەسىھەت ئاڭلايدىغانلاردىن. ئاسان ئېرىشكەن بايلىق بەرىكەتسىز بولار، مېھنەت قىلىپ تاپقىنى بەرىكەتلىك بولار. ئۇزاققا سوزۇلغان ئۈمىد كۆڭۈلنى يېرىم قىلار، ئارزۇسىغا يەتمەك خۇددى ھاياتلىق دەرىخىگە ئېرىشكەندەك بولار. خۇدانىڭ سۆزىگە سەل قارىغۇچى ئۆزىگە ھالاكەت كەلتۈرەر، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغان تارتۇققا ئېرىشەر. ھاياتلىق بۇلىقىدۇر دانالارنىڭ تەلىمى، ئۇ ئەجەل تۇزىقىدىن خالاس قىلىدۇ ئادەمنى. ئەقىل-ئىدراك ھىممەت تاپقۇزار، خائىننىڭ يولى مۇشەققەتلىك بولار. زېرەك بىلىمىگە تايىنىپ ئىش قىلار، ھاماقەت ئۆز نادانلىقىنى ئاشكارىلار. دۇچار بولار بالاغا يامان ئەلچى، ئېلىپ كېلەر شىپالىق سادىق ئەلچى. تەربىيىنى رەت قىلغۇچى نامراتلىشىپ ئۇياتقا قالار، تەنبىھنى قوبۇل قىلغۇچى ئىززەتكە ئىگە بولار. ئەمەلگە ئاشقان ئارزۇ شېرىندۇر كىشىگە، يامانلىقىنى تاشلاش يىرگىنچلىكتۇر ھاماقەتكە. دانالار بىلەن بىللە يۈرگەن دانا بولار، ھاماقەتلەرگە ھەمراھ بولغان زىيانغا ئۇچرار. گۇناھكارلارنىڭ كەينىدىن بالا قوغلىشار، ھەققانىيلار ياخشى ئىنئام ئالار. ياخشى ئادەم مىراس قالدۇرار ئەۋلادلىرىغا، گۇناھكارلارنىڭ مال-دۇنيالىرى قالار ھەققانىيلارغا. يوقسۇلنىڭ بوز يېرى تېرىلىشى بىلەن مول ھوسۇل بېرەر، بىراق ئادالەتسىزلىك تۈپەيلىدىن تارتىۋېلىنار. ئوغلىدىن تاياقنى ئايىسا، ئۇنى ئۆچ كۆرگەنلىك بولار، ئوغلىنى سۆيسە، دەل ۋاقتىدا ئۇنىڭغا تەربىيە قىلار. ھەققانىي ئادەم تويغۇچە غىزالىنار، ياماننىڭ قورسىقى ئاچلىقتا تارتىشار. ئاقىل ئايال ئائىلىسىنى روناق تاپقۇزار، ئەخمەق ئايال ئۆز قولى بىلەن ئائىلىسىنى بۇزار. پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنەر توغرا يولدا ماڭغۇچى، كۆزگە ئىلماس ئۇنى ئەگرى يولدا يۈرگۈچى. توقماق بولار ئۆزىگە ئەخمەقنىڭ تەكەببۇر ئاغزى، ئۆزىنى قوغدار ئاقىلنىڭ تىلى. ئۆكۈزۈڭ بولمىغاندا ئوقۇر قۇرۇق تۇرار، لېكىن ئۆكۈزنىڭ كۈچى بىلەن مول ھوسۇل بولار. ئاغزىدىن يالغان سۆز چىقماس سادىق گۇۋاھچىنىڭ، تىنىقىدىن يالغانچىلىق چىقىپ تۇرار ساختا گۇۋاھچىنىڭ. مازاق قىلغۇچىنىڭ دانالىقنى ئىزدىشى بىھۇدىدۇر، ئاقىلغا بىلىم ئېلىش ئاساندۇر. نېرى تۇت ئۆزۈڭنى ئەخمەقتىن، ئالالمايسەن نە بىلىم ئۇنىڭ لەۋزىدىن. زېرەكنىڭ دانالىقى ئۆز يولىنى چۈشەنگەنلىكىدە، ئەخمەقلەرنىڭ ئەقىلسىزلىقى ئالدامچىلىق قىلىشىدا. مەسخىرىلىك كۈلەر ئەخمەقلەر گۇناھقا، كەڭچىلىك بولار ھەققانىيلارنىڭ ئارىسىدا. يۈرەك ئۆز دەردىنى ئۆزىلا بىلىدۇ، خۇشاللىقىغىمۇ باشقىلار شېرىك بولالمايدۇ. ئۆيى ۋەيران بولار ياماننىڭ، گۈللەپ ياشنار ھەققانىينىڭ. بەزى يوللار توغرىدەك كۆرۈنەر كىشىگە، لېكىن ئاخىرى ئېلىپ بارار ئۆلۈمگە. بەزىدە كۈلۈپ تۇرسىمۇ، ئازاب يۈرەكنى ئاغرىتار، خۇشاللىق بەزىدە غەم-قايغۇ بىلەن ئاخىرلىشار. يولدىن چىققانلار تېگىشلىك جازا تارتار. ياخشى ئادەم ياخشىلىقىدىن تارتۇقلىنار. گول كىشى ئىشىنىپ كېتەر ھەممە گەپكە، زېرەك ئادەم ئويلىنار ھەر قەدەمدە. دانا ئېھتىياتچان بولۇپ، يامانلىقتىن نېرى تۇرار، ئەقىلسىز بەڭباش بولۇپ، بىپەرۋالىق قىلار. مىجەزى ئىتتىك ئادەم ئەخمىقانە ئىش قىلار، بەتنىيەت نەپرەتكە قالار. گول ئادەملەرگە ئەخمەقلىق مىراس قالار، زېرەكلەرگە بىلىم تاج بولۇپ تاقىلار. باش ئېگەر يامانلار ياخشىلارنىڭ ئالدىدا، رەزىللەر ھەققانىينىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا. نامراتقا يېقىنىمۇ ئۆچ بولار ھەتتا، دوست تارتىدىغانلار كۆپ بولار بايغا. يېقىنىنى پەس كۆرگەن گۇناھكاردۇر، ھاجەتمەنلەرگە رەھىم قىلغان بەختلىكتۇر. بەرھەق، يامان نىيەتلىك يولدىن ئادىشار، ياخشى نىيەتلىك مۇھەببەت ۋە سادىقلىقنى تاپار. كېلەر ھەربىر مېھنەتتىن پايدا، قالدۇرار قۇرۇق پاراڭ ئادەمنى موھتاجلىقتا. ئاقىلنىڭ ئېرىشكەن بايلىقى ئۇنىڭ شۆھرەت تاجىدۇر، نادانلىقىدىن ئەخمەققە پەقەت نادانلىق قالۇر. قۇتقۇزار كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى چىن گۇۋاھلىق بەرگۈچى، خائىنلىق قىلار تىنىقىدىن يالغانچىلىق چىقىپ تۇرغۇچى. پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنگۈچىنىڭ يۆلەنچۈكى بار، ئۇنىڭ بالىلىرىمۇ ھىمايىگە ئىگە بولار. پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش بۇلىقىدۇر ھاياتلىقنىڭ، كىشىنى خالىي قىلار تۇزىقىدىن ئۆلۈمنىڭ. پادىشاھنىڭ شان-شەرىپى پۇقراسىنىڭ كۆپ بولۇشىدىن، ھۆكۈمدارنىڭ ھالاكىتى پۇقراسىنىڭ يوق بولۇشىدىن. ئەقىل-ئىدراكقا ئىگە ئېغىر-بېسىق كىشى، ئاشكارىلار ئەخمەقلىقىنى چېچىلغاق كىشى. تەننىڭ ساغلاملىقىدۇر كۆڭۈل خاتىرجەملىكى، چىرىتار ھەسەتخورلۇق سۆڭەكنى. كەمبەغەلنى ئەزگەنلىك ئۇنىڭ ياراتقۇچىسىغا ھاقارەت كەلتۈرگەنلىكتۇر، ھاجەتمەنگە شاپائەت قىلغانلىق ئۇنىڭ ياراتقۇچىسىنى ئۇلۇغلىغانلىقتۇر. يامان يامانلىقى تۈپەيلىدىن يىقىلار، ھەققانىي سەكراتتا ياتقاندىمۇ باشپاناھىغا ئۆزىنى تاپشۇرار. ئالار دانالىق ئاقىلنىڭ كۆڭلىدە چوڭقۇر ئورۇننى، بىلدۈرەر ئەخمەقلەرنىڭ ئارىسىدىمۇ ئۆزىنى. كۆتۈرەر ھەققانىيەت خەلقنىڭ ئابرۇيىنى، نومۇسقا قالدۇرار گۇناھ ھەرقانداق ئەلنى. چېچەن ئەمەلدارغا ياغار پادىشاھنىڭ ئىلتىپاتى، شەرمەندە ئەمەلدارغا بولسا ئۇنىڭ غەزىپى. مۇلايىم جاۋاب باسار غەزەپنى، قوپال سۆز قوزغار ئاچچىقنى. دانالارنىڭ سۆزى بىلىمگە جەلپ قىلار، ئەخمەقلەرنىڭ ئاغزىدىن نادانلىق ياغار. ھەر يەرگە چۈشەر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرى، كۈزىتىپ تۇرار ئۇ ياخشى-ياماننى. ھاياتلىق دەرىخىدۇر مۇلايىم تىل، كىشىنىڭ روھىنى چۈشۈرەر ھىيلە-مىكىرلىك تىل. رەت قىلار ئەخمەق ئاتىسىنىڭ تەربىيىسىنى، زېرەك بولار تەنبىھكە قۇلاق سالغۇچى. ئۆيىدە مول بايلىق بولار ھەققانىينىڭ، بالا-قازا ئېلىپ كېلەر تاپقىنى ياماننىڭ. بىلىم تارقىتار دانانىڭ تىلى، ئۇنىڭغا ئوخشىماس ئەقىلسىزنىڭ دىلى. پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر يامانلارنىڭ قۇربانلىقى، ئۇنىڭ خۇرسەنلىكىدۇر ئادىللارنىڭ دۇئاسى. پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر ياماننىڭ يولى، ياخشى كۆرەر ئۇ ھەققانىيلىقنى ئىزدىگۈچىنى. دۇچ كېلەر قاتتىق جازاغا توغرا يولنى تاشلىغۇچى، ھالاك بولار تەنبىھىنى رەت قىلغۇچى. پەرۋەردىگارغا ئايان تۇرسا ئۆلۈكلەر ماكانى، تېخىمۇ ئايان بولماسمۇ ئىنسانلارنىڭ دىلى؟ مەسخىرە قىلغۇچى تەنبىھنى ياقتۇرماس، دانالارنىڭ ئالدىغا ئۇ بارماس. كۆڭۈل شاد بولسا، خۇش چىراي بولار، قەلب ئازابلانسا، روھى سۇنار. تەشنا بولار بىلىمگە ئاقىلنىڭ يۈرىكى، قانائەت تاپار نادانلىقتىن ئەقىلسىزنىڭ ئاغزى. كەمبەغەلنىڭ ھەربىر كۈنى مۇشەققەتلىكتۇر، لېكىن ئۇ كۆڭلىنى شاد تۇتسا دائىما زىياپەتتە بولغاندەكتۇر. مول بايلىقى بىلەن تەشۋىشتە ئۆتكەندىن، ئەۋزەلدۇر ئاز دۇنيا بىلەن ئەيمىنىپ ئۆتكەن پەرۋەردىگاردىن. ئۆچ-ئاداۋەت ئىچىدە بوردىغان مالنىڭ گۆشىنى يېگەندىن كۆرە، ئەۋزەلدۇر كۆكتات يېگەن مېھىر-مۇھەببەت ئىچرە. تېرىككەك جېدەل چىقىرار، سەۋرچان تالاش-تارتىشلارنى تىنچلاندۇرار. ھۇرۇننىڭ يولى گويا تىكەنلىك چاتقاللىقتۇر، دۇرۇسنىڭ يولى بولسا داغدام يولدۇر. شادلاندۇرار ئەقىللىق ئوغۇل ئاتىسىنى، كەمسىتەر ئەقىلسىز ئانىسىنى. ئەخمەقلىقى بىلەن خۇش بولار ئەقلى يوقلار، توغرا ئىش كۆرەر ئەقىل-ئىدراكلىقلار. پىلانلار مەغلۇپ بولار مەسلىھەت بولمىغاندا، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولار مەسلىھەتچى كۆپ بولغاندا. جايىدا بېرىلگەن جاۋاب كىشىنى خۇش قىلۇر، دەل ۋاقتىدا قىلغان سۆز نەقەدەر ياخشىدۇر! داناغا ئۇزۇن ئۆمۈر بېغىشلار ھاياتلىق يولى، ئۆلۈكلەر ماكانىدىن يىراقلاشتۇرار ئۇنى. پەرۋەردىگار ۋەيران قىلار تەكەببۇرنىڭ ئۆيىنى، ساقلاپ قالار تۇل خوتۇننىڭ ئۆي-زېمىنىنى. پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر يامانلارنىڭ ئوي-پىكىرى، ساپ بىلىنەر ئاق كۆڭۈلنىڭ يېقىملىق سۆزلىرى. ئاچكۆز كىشى ئۆز ئائىلىسىگە كۈلپەت كەلتۈرەر، پارىخورلۇقتىن نەپرەتلەنگۈچى ئۇزاق ئۆمۈر كۆرەر. ھەققانىي ئادەم ئۆزىنى دەڭسەپ سۆزلەر، يامان ئادەمنىڭ ئاغزىدىن شۇملۇق تۆكۈلەر. پەرۋەردىگار ياماندىن يىراق تۇرار. ھەققانىينىڭ دۇئاسىغا ئۇ قۇلاق سالار. خۇش چىراي كۆڭۈلنى شادلاندۇرار، خۇش خەۋەر ئۇستىخانغا ئەت قوندۇرار. ھاياتلىق بېرىدىغان تەنبىھكە قۇلاق سالغانلار، دانالار ئارىسىدا ياشار. تەربىيىنى رەت قىلغان ئۆزىنى خار قىلار، تەنبىھكە قۇلاق سالغان ئەقىل تاپار. پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئادەمگە دانالىق ئۆگىتەر، ئىززەت-ھۆرمەتنىڭ ئالدىدا كىچىك پېئىللىق يۈرەر. كۆڭۈلدىكى ئوي-پىكىرلەر ئىنساندىندۇر، ئۇنىڭ توغرا جاۋاب بېرىشى خۇدانىڭ ئىلھامىدىندۇر. ئىنسان پاك دەپ بىلەر ئۆزىنىڭ قىلغان ھەممە ئىشىنى، لېكىن پەرۋەردىگار دەڭسەپ كۆرەر ئادەمنىڭ نىيىتى. تاپشۇر قىلماقچى بولغان ئىشلىرىڭنى پەرۋەردىگارغا، نەتىجىلىك بولار پىلانلىرىڭ شۇندا. پەرۋەردىگار بارلىق مەۋجۇداتنى مەقسەتلىك ئورۇنلاشتۇرغاندۇر، ھەتتا يامانلارنى بالايىئاپەت كۈنىگە قالدۇرغاندۇر. پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر تەكەببۇرلار، مۇقەررەركى، جازاسىز قالماس ئۇلار. ئۆزگەرمەس مۇھەببەت بىلەن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنار، پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئادەملەرنى يامانلىقتىن خالىي قىلار. پەرۋەردىگارنى خۇرسەن قىلسا ئادەمنىڭ تۇتقان يولى، پەرۋەردىگار ھەتتا ياراشتۇرار دۈشمەنلىرى بىلەن ئۇنى. مول بايلىقنى تاپقاندىن ئادالەتسىزلىك بىلەن، ئەۋزەلدۇر ئاز تاپقان ھەققانىيلىق بىلەن. ئىنسان ئۆز يولى ئۈچۈن پىلان تۈزەر كۆڭلىدە، ئەمما پەرۋەردىگار قارار قىلار ئۇنىڭ قەدىمىگە. پەرۋەردىگارنىڭ ئىلھامى بار پادىشاھنىڭ قارارىدا، ئادالەتسىزلىك چىقماس ئۇنىڭ ئاغزىدىن ھۆكۈم چىقارغىنىدا. ئادىل تارازا-مىزانلار خۇداغا خاستۇر، تارازا تاشلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئىجادىدۇر. پادىشاھنىڭ يامانلىق قىلىشى ئۆزى ئۈچۈن يىرگىنچلىكتۇر، چۈنكى تەختنىڭ مەزمۇت تۇرۇشى ھەققانىيەت بىلەندۇر. خۇرسەن قىلار توغرا سۆز پادىشاھنى، سۆيەر ئۇ ھەق سۆزلىگەنلەرنى. ئۆلۈمنىڭ ئەلچىسىدۇر پادىشاھنىڭ غەزىپى، بىراق قايتۇرار دانا كىشى ئۇنىڭ غەزىپىنى. ھايات قېلىشقا نىشانىدۇر پادىشاھنىڭ تەبەسسۇمى، گويا باھاردىكى يامغۇردەكتۇر ئۇنىڭ شەپقىتى. دانالىققا ئېرىشىش ئالتۇنغا ئېرىشىشتىن كۆپ ئەۋزەلدۇر، ئەقىل-ئىدراكلىقنى تاللاش كۈمۈشنى تاللاشتىن ئەلادۇر. توغرا ئادەمنىڭ داغدام يولى يامانلىقتىن يىراقتۇر، يولىغا ئېھتىيات قىلىشنىڭ ئۆزى جېنىنى ساقلاپ قېلىشتۇر. ئاۋۋال كېلەر تەكەببۇرلۇق ھالاكەتتىن، ھاكاۋۇرلۇق يىقىلىشتىن. تەكەببۇرلار بىلەن ھارام ئولجا بۆلۈشكەندىن كۆرە، ياشاش ئەۋزەلدۇر كەمتەر بولۇپ ئېزىلگەنلەر بىلەن بىللە. روناق تاپار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە كۆڭۈل قويغانلار، بەختلىك بولار ئىشەنچىنى پەرۋەردىگارغا باغلىغانلار. كۆڭلىگە دانالىق ئورنىغۇچى پاراسەتلىك دەپ ئاتىلار، يېقىملىق سۆزلەر تېخىمۇ قايىل قىلارلىق بولار. ئەقىل-ئىدراك ئۆز ئىگىسى ئۈچۈن ھايات بۇلىقىدۇر، ئەخمەقنىڭ ئۆز ئەخمەقلىقى ئېلىپ كېلىدىغىنى جازادۇر. دانانىڭ قەلبىدىكى دانالىق ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقار، سۆزلىرى تېخىمۇ قايىل قىلارلىق بولار. يېقىملىق سۆزلەر گويا ھەسەلدۇر، جانغا راھەت، تەنگە شىپادۇر. بەزى يوللار توغرىدەك كۆرۈنەر كىشىگە، لېكىن ئاخىرى ئېلىپ بارار ئۆلۈمگە. ئەمگەكچىنىڭ ئىشتىيى ئۇنى تۇتار ئەمگەككە، ئاچ قارنى مەجبۇرلار ئىشلەشكە. قوزغار يامانلىقنى ئۆكتەم كىشى، ئوخشار لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا ئۇنىڭ زۇۋانى. جېدەل-ماجىرانى كېڭەيتەر ھىيلىگەرنىڭ سۆزى، بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتەر غەيۋەت يېقىن دوستلارنى. ئېزىقتۇرار زوراۋان كىشى ئۆز يېقىنىنى، باشلار يامان يولدا مېڭىشقا ئۇنى. كۆز قىسىش بىلەن شۇملۇق ئويلار، لېۋىنى چىڭ يۇمۇش بىلەن يامانلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرار. ھەققانىيەت يولىدا ئاقارغان چاچ ھۆرمەت تاجىدۇر. ئەۋزەلدۇر سەۋرچان ئادەم باتۇردىن، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش شەھەر ئالغاندىن. چەك ئېتەككە تاشلانغىنى بىلەن، ھۆكۈم قىلىش پەرۋەردىگاردىندۇر. جېدەل-ماجىرالىق ئۆيدىكى مول داستىخاندىن كۆرە، بىر بۇردا قۇرۇق نان ئەۋزەلدۇر تىنچ-خاتىرجەملىكتە. چېچەن خىزمەتكار خوجايىنىنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغان ئوغلىنى باشقۇرار، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قاتارىدا ئوخشاش مىراس ئالار. ئالتۇن-كۈمۈش ئوتتا تاۋلىنار، ئادەمنىڭ قەلبىنى پەرۋەردىگار سىنار. كۆڭۈل قويار قەبىھ سۆزگە يامانلىق قىلغۇچى، قۇلاق سالار غەيۋەت-شىكايەتكە يالغانچى. كەمبەغەلنى مازاق قىلغان ھاقارەت كەلتۈرەر ياراتقۇچىسىغا، باشقىلارنىڭ بەختسىزلىكىگە شادلانغان چوقۇم دۇچ كېلەر جازاغا. تاجىدۇر نەۋرىلەر مويسىپىتلارنىڭ، پەخرىدۇر ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرنىڭ. ناتىقلىق ئەخمەققە ياراشماس، يالغان سۆز مۆتىۋەرگە ھېچ قاملاشماس. پارا بىر تۇماردۇر ئۇنى بەرگۈچىنىڭ نەزىرىدە، نەگىلا بارسا ئۇ ئېرىشىدىغاندەك مۇۋەپپەقىيەتكە. مۇھەببەتنى چىڭايتار گۇناھنى كەچۈرگۈچى، يېقىن دوستىدىن ئايرىلار كونا خاماننى سورىغۇچى. بېرىلگەن بىر ئېغىز تەنبىھ داناغا، ئۈنۈملۈك بولار ئۇرۇلغان يۈز دەررىدىن نادانغا. كۆزلەر رەزىل پەقەت ئىسيان كۆتۈرۈشنى، شۇڭا ئەۋەتىلەر ئۇنىڭغا رەھىمسىز ئەلچى. ئۇچراپ قالغاندىن ھاماقەتنىڭ ئەخمەقلىق قىلىشىغا، ياخشىراقتۇر ئۇچراپ قېلىش كۈچۈكلىرىدىن ئايرىلغان ئېيىققا. كىمكى ياخشىلىققا قىلسا يامانلىق، ئۆيىدىن كەتمەس يامانلىق. توسمىدىكى سۇ تاشقاندەكتۇر جېدەلنىڭ باشلىنىشى، شۇڭا جېدەل ئەۋجىگە چىقىشتىن ئاۋۋال توختات ئۇنى. ياماننى ئاقلىغانلىق بىلەن ھەققانىينى قارىلىغانلىق، ھەر ئىككىسى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىك. پۇلنىڭ نېمە پايدىسى ئەخمەقنىڭ قولىدىكى؟ سېتىۋالالامتى دانالىقنى؟ پەقەت يوق ئۇنىڭغا ئېرىشىش نىيىتى. دوست ساڭا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەر ھەرقاچان، قېرىنداش ئېغىر كۈنلەردە ھەمدەم بولۇشقا تۇغۇلغان. قول بېرىپ ئەقىلسىز كىشى كېپىل بولار ئۆزگىگە. گۇناھ قىلىشقا ئامراقتۇر جېدەلخور كىشى، ئۆز بوسۇغىسىنى ئېگىز قىلغان يىقىلار ئۆزى. كۆرمەس ياخشىلىق نىيىتى يامان، تارتار ھىيلە-مىكىرلىك تىل زىيان. ئەخمەقنىڭ ئاتىسى بولۇش قايغۇلۇقتۇر، ناداننىڭ ئاتىسىنىڭ خۇشاللىقى يوقتۇر. بەخش ئېتەر شاد كۆڭۈل شىپالىقنى، قۇرۇتار روھى سۇنۇقلۇق يىلىكنى. پارا ئالار يەڭ ئىچىدە چىرىك كىشى، شۇندا بۇرمىلار ئادالەت يولىنى. دانالىق تۇرار ئەقىللىقنىڭ كۆز ئالدىدا، ئەقىلسىز خىيالىي قارار تۆت ئەتراپقا. ئازابقا سالار ھاماقەت ئوغۇل ئاتىسىنى، دەرد-ئەلەمگە قويار ئانىسىنى. ناتوغرىدۇر ھەققانىيلارغا جەرىمانە قويۇش، ئادالەتنى قوللىغىنى ئۈچۈن ئەمەلدارلارنى ئۇرۇش. بىلىملىك كىشى كەم سۆز بولار، ئەقىل-ئىدراكلىق ئادەم ئېغىر-بېسىق كېلەر. ھەتتا ئەخمەقمۇ جىم تۇرۇۋالسا ئاقىل ھېسابلىنار، ئاغزىنى يۇمۇۋالسا پاراسەتلىك كۆرۈنەر. توپتىن ئايرىلغان ئويلار ھامان ئۆزىنىلا، قارشى چىقار ئۇ ھەرقانداق دانالىققا. ئەخمەق قىزىقماس ئەقىل-ئىدراكقا، پەقەت قىزىقار ئوي-پىكىرلىرىنى ئېيتىشقا. تەڭ كېلەر يامان كىشى نەپرەت بىلەن، نومۇس ئىزا-ئاھانەت بىلەن. ئادەمنىڭ ئاغزىدىن چىققان سۆزلەر ئوخشار چوڭقۇر سۇغا، دانالىق ئوخشار بۇلدۇقلاپ تۇرغان بۇلاققا. يامانغا يان بېسىپ ھۆكۈمدە، ھەققانىينى ناھەقچىلىققا ئۇچرىتىش ناتوغرا ئەلۋەتتە. جېدەل چىقىرار ھاماقەتنىڭ تىلى، ئۆزىنى تاياققا تۇتۇپ بېرەر ئۇنىڭ ئاغزى. ھاماقەتنىڭ ئاغزى ئۆزىگە بالادۇر. ئۇنىڭ تىلى ئۆز جېنىغا قاپقاندۇر. ئوخشار غەيۋەت مەززىلىك تاماققا، سىڭىپ كېتەر تەنگە تېزلا. كىمكى ھۇرۇن بولسا ئۆز ئىشىدا، قېرىنداش بولۇر بۇزغۇنچىغا. مەزمۇت قەلئەدەكتۇر پەرۋەردىگارنىڭ نامى، ئامان بولۇر ھەققانىيلار پاناھ تارتىپ ئۇنى. باينىڭ بايلىقى گويا ئۇنىڭ مەزمۇت قورغىنىدۇر، ئۇنىڭ خىيالىدا ئۇ ئېگىز سېپىلدەكتۇر. ھالاكەتتىن ئىلگىرى ئادەمنىڭ يۈرىكىدە بولۇر تەكەببۇرلۇق. ئىززەت-ھۆرمەتتىن ئىلگىرى يۈرەر كىچىك پېئىللىق. سۆزنى ئاخىرىغىچە ئاڭلىماي تۇرۇپ جاۋاب بەرگەن كىشى، چاندۇرۇپ ئەخمەقلىقىنى، قالدۇرار خىجالەتتە ئۆزىنى. ئادەم روھى بىلەن بەرداشلىق بېرەر ئاغرىق ئازابىغا، بىراق كىممۇ چىدىيالار روھى سۇنۇقلۇققا؟ بىلىم ئالار ئاقىلنىڭ قەلبى، بىلىمگە تەلپۈنەر دانانىڭ ئۆزى. سوۋغات ئاچار كىشىگە ئاسانلىق ئىشىكىنى، باشلاپ بارار چوڭ ئەربابلارنىڭ ئالدىغا ئۇنى. ھەق بىلىنەر ئاۋۋال سۆزلىگۈچىنىڭ سۆزى داۋادا، قارشى تەرەپ كېلىپ سوئال قويۇپ تەكشۈرگىچە ئۇنىڭغا. چەك تاشلاش ئارقىلىق تۈگەتكىلى بولار جاڭجالنى، يوقاتقىلى بولار مۆتىۋەرلەر ئارىسىدىكى تالاش-تارتىشلارنى. رەنجىگەن قېرىندىشىغا يېقىنلىشىش قىيىن كىرىشتىنمۇ مەزمۇت قورغانغا، ئارىسىدىكى جېدەل-ماجىرا ئوخشار قورغاننىڭ تۆمۈر رېشاتكىلىرىغا. دانا سۆز خۇددى ئېسىل تاماقدەك كىشىنى مەمنۇن قىلار، توغرا سۆز كۆڭۈلگە ياقار. ھايات-مامات تىلنىڭ ئىلكىدە بولار، ئۇنى سۆيگەن ئۇنىڭ مېۋىسىدىن ھوسۇل ئالار. ياخشى خوتۇن ئالغان كىشى ياخشىلىق تاپقان بولار، ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ مەرھەمىتىگە ئىگە بولار. كەمبەغەل يالۋۇرۇپ سۆزلەر، باي بولسا قوپال جاۋاب بېرەر. بەزى دوستلار ئۆزئارا بىر-بىرىنى خاراب قىلار، لېكىن قېرىنداشتىنمۇ يېقىن دوست بولار. دىيانەت يولىدا ماڭغان كەمبەغەل كىشى، ھىيلە-مىكىر بىلەن سۆزلەيدىغان ئەخمەقتىن ياخشى. بىلمەي تۇرۇپ قىزغىنلىق قىلىش ياخشى ئەمەس، ئالدىراڭغۇلۇق بىلەن ئىش قىلغان نىشانغا يەتمەس. ئادەمنىڭ نادانلىقى ھايات يولىنى نابۇت قىلار، ئۇ كۆڭلىدە يەنىلا پەرۋەردىگاردىن خاپا بولار. بايلىق دوستنى كۆپەيتەر، كەمبەغەل بار دوستىدىنمۇ ئايرىلىپ قالار. ساختا گۇۋاھلىق بەرگۈچى جازالانماي قالماس، يالغان ئېيتقۇچىمۇ قېچىپ قۇتۇلالماس. كۆپ كىشىلەر مەرد ئادەمدىن ئىلتىپات كۈتەر. ھەممە كىشى سوۋغات بەرگۈچىگە دوست تارتار. يىرگىنەر كەمبەغەلدىن قېرىنداشلىرىمۇ، يىراقلىشار دوستلىرى تېخىمۇ، بىكاردۇر ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئۇ يالۋۇرۇپ بارسىمۇ. دانالىققا ئېرىشىش ئۆزىنى سۆيگەنلىكتۇر، ئەقىل-ئىدراكلىق بولۇش بەخت تاپقانلىقتۇر. جازالانماي قالماس ساختا گۇۋاھلىق بەرگۈچى، ھالاكەتتىن قۇتۇلالماس يالغان ئېيتقۇچى. ھەشەمەتلىك تۇرمۇش ئەخمەققە ياراشماس، قۇلنىڭ ھۆكۈمدارلار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرۈشى تېخىمۇ قاملاشماس. ئەقىل-ئىدراكلىق كىشى ئاچچىقلانماس ئاسانلىقچە، باشقىلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈشى شۆھرەت كەلتۈرەر ئۆزىگە. شىرنىڭ ھۆركىرىشىگە ئوخشاشتۇر پادىشاھنىڭ غەزىپى. ئوت-چۆپكە چۈشكەن شەبنەمدەكتۇر ئۇنىڭ شەپقىتى. ھاماقەت ئوغۇل ئاتىسى ئۈچۈن بالادۇر، خوتۇننىڭ جېدەللىرى تورۇستىن تامچىلىغان يامغۇردەكتۇر. مىراستۇر ئۆي ۋە مال-مۈلۈك ئاتا-بوۋىدىن، ئەقىل-ئىدراكلىق خوتۇن پەرۋەردىگاردىن. ھۇرۇنلۇق كىشىنى غەپلەت ئۇيقۇسىغا غەرق قىلار، بىكار تەلەپ ئاچلىقنىڭ دەردىنى تارتار. پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىغا ئەمەل قىلغان جېنىنى ساقلاپ قالار، ئۇنىڭ يولىنى كەمسىتكەن ئادەم ھالاك بولار. نامراتقا ياردەم بېرىش پەرۋەردىگارغا قەرز بەرگەن بىلەن باراۋەر، ئۇنىڭ قىلغان شاپائىتىنى پەرۋەردىگار قايتۇرار. پەرزەنتىڭگە بەر تۈزىتىش تەربىيىسى ئۈمىد بار ۋاقتىدا، لېكىن غەزىپىڭ كەلگىنىدە ئۇنى نابۇت قىلما. قاتتىق قەھرلىك كىشى ئۆزىگە جازا ئەكېلەر، قۇتقۇزساڭ ئۇنى بىر قېتىم، يەنە قۇتقۇزماق كېلەر. ئاڭلا نەسىھەتنى، قوبۇل قىل تەربىيىنى، شۇنداق قىلغىنىڭدا دانا بولىسەن ئاخىرى. كىشىنىڭ كۆڭلىدە پىلان كۆپتۇر، لېكىن ئەمەلگە ئاشىدىغىنى پەرۋەردىگارنىڭ مەقسىتىدۇر. كىشىنىڭ ئىستىكى سادىقلىقتۇر. كەمبەغەل يالغانچىدىن ئەۋزەلدۇر. پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئېرىشتۈرەر كىشىنى ھەقىقىي ھاياتلىققا، ئۇ قانائەتلىك ياشاپ، ئۇچرىماس بالا-قازاغا. سوزار ھۇرۇن قاچىغا قولىنى، لېكىن ئېرىنەر ئاغزىغا سېلىشقىمۇ غىزانى. مازاقچىنى ئۇر، ساددا ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئالار، ئەقىللىققا تۈزىتىش تەربىيىسى بەر، ئۇ ئۆگىنىۋالار. ئاتىسىنى خورلىغان، ئانىسىنى ئۆيدىن ھەيدىگەن ئوغۇل، ئۇلارغا ئۇيات ھەم شەرمەندىلىك كەلتۈرگەندۇر. ئەي ئوغلۇم، توختاتساڭ نەسىھەت ئاڭلاشنى، قاچۇرغىنىڭدۇر ئىلىم-ھېكمەتتىن ئۆزۈڭنى. پاسىق گۇۋاھچى مازاق قىلار ئادالەتنى، ياماننىڭ ئاغزى يالمار رەزىللىكنى. تەيياردۇر مازاق قىلغۇچىلارغا جازا، ھاماقەتلەرنىڭ دۈمبىسىگە قامچا. شاراب مەسخىرىچى، ھاراق جېدەل-ماجىراچى، ئەقىلسىزدۇر ھەربىر ھاراق-شاراب ئىچىپ ئازغۇچى. پادىشاھنىڭ غەزىپى شىرنىڭ ھۆركىرىشىگە ئوخشاشتۇر، ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈش ئۆزىنىڭ جېنىنى تەۋەككۈل قىلغانلىقتۇر. ماجىرادىن ئۆزىنى تارتىش ئىززەت كەلتۈرەر كىشىگە، ھەربىر ئەخمەق تەيياردۇر ئارىلىشىشقا جېدەلگە. ھۇرۇن دېھقان ئۆز پەسلىدە يەر ھەيدىمەس، يىغىم پەيتى ھېچبىر ھوسۇل ئالالماس. چوڭقۇر قۇدۇقتىكى سۇغا ئوخشار ئادەمنىڭ ئوي-پىكىرى، بىراق ئۇنى تارتىپ ئالالار ئەقىل-ئىدراكلىق كىشى. ئۆزىنى دوستقا سادىق دەيدىغانلار كۆپ بولار، بىراق ھەقىقىي ئىشەنچلىك بىرىنى كىم تاپالار؟ ھەققانىي ئادەم دىيانەت يولىدا ماڭار، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بەختلىك بولار! پادىشاھ تەختىدە ئولتۇرۇپ ھۆكۈم چىقىرار، نەزەر سېلىپ ھەممە ياماننى ياخشىدىن ئايرار. كىم قەلبىم پاكلاندى، گۇناھتىن تازىلاندىم دېيەلەر؟ تارازىدا ۋە ئۆلچەمدە ئادىل بولمىغاندا، ھەر ئىككىسى يىرگىنچلىك بىلىنەر پەرۋەردىگارغا. ئايان قىلار ھەتتا بالىمۇ قىلىقلىرىدىن ئۆزىنى، ھەرىكىتىدە پاكلىق ۋە توغرىلىقنىڭ بار ياكى يوقلۇقىنى. كۆرىدىغان كۆزنى، ئاڭلايدىغان قۇلاقنى، پەرۋەردىگار ياراتتى ھەر ئىككىسىنى. ئامراق بولما ئۇيقۇغا، بولمىسا نامراتلىقتا قالىسەن، تىرىشساڭ ئۇيقۇڭنى ئېچىپ، مول نېمەتكە تويىسەن. خېرىدار باھا تالىشىپ «مال ناچار!» دەپ زارلىنار، نېرىراققا بېرىپ «ئېسىل نەرسە ئالدىم» دەپ ماختىنار. ئالتۇنمۇ بار، لەئەل-ياقۇتلارمۇ كۆپتۇر، بىراق دانا سۆز بولسا تېپىلغۇسىز گۆھەردۇر! ناتونۇشقا كاپالەت بولغان كىشىدىن كېپىلگە تونىنى ئېلىۋال، ياتقا كېپىل بولغاندىن كېپىللىك ئال. ئالداپ تاپقان نان تاتلىق بولار، بىراق كېيىن ئاغزىغا شېغىل تولار. پىلان مۇقىم بولار مەسلىھەت بىلەن، جەڭ قىل ئاقىلانە مەسلىھەت بىلەن. پىتنىخور ئاشكارىلار سىرنى، ۋالاقتەگكۈردىن قاچۇر ئۆزۈڭنى. كىمكى ئاتا-ئانىسىنى قارغىسا، ئۆچەر ئۇنىڭ چىرىغى تۈن قاراڭغۇسىدا. ئاسان ئېرىشكەن مىراس، ئاخىرىدا بەرىكەتلىك بولماس. يامانلىق قايتۇرىمەن دېمە يامانلىققا، پەرۋەردىگارنى كۈت، ئۇ ياردەم بېرەر ساڭا. تارازىدا ساختىلىق قىلىش پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر. ساختا ئۆلچەم قەبىھلىكتۇر. پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسىدىندۇر ئىنساننىڭ قەدەملىرى، شۇنداق ئىكەن قانداق بىلەر ئىنسان ئۆز يولىنى؟ يېنىكلىك بىلەن «خۇداغا ئاتىغان ھەدىيە» دەپ ۋەدە بېرىپ، ئاندىن ئارىسالدا بولغان كىشى ئۆزى قىلتاققا كېتەر چۈشۈپ. دانا پادىشاھ توپان سورۇغاندەك سورۇۋېتەر يامانلارنى، خامان تەپكەندەك ئايرىۋېتەر ئۇلارنى. پەرۋەردىگارنىڭ نۇرى چۈشۈپ روھىغا ئادەمنىڭ، كۆزۈتۈپ تۇرار بارلىق ئوي-نىيىتىنى ئۇنىڭ. سادىقلىق ۋە ئىشەنچ پادىشاھنى قوغدار، ئۇنىڭ تەختى سادىقلىق بىلەن مۇستەھكەم بولار. يىگىتلەرنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتى ئۇلارنىڭ شەرىپىدۇر، ئاق چاچلىرى بولسا ياشانغانلارنىڭ ھۆرمىتىدۇر. قامچىنىڭ ئىزى كىشىنى يامانلىقتىن تازىلار، تاياق كۆڭۈلنى پاكلىتار. پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىدۇر پادىشاھنىڭ كۆڭلى، باشلار ئۇ ئۆزى خالىغان تەرەپكە ئېرىق سۇيىدەك ئۇنى. ئىنسان توغرا دەپ بىلەر ئۆزىنىڭ ھەر بىر يولىنى، لېكىن پەرۋەردىگار دەڭسەپ كۆرەر ئۇنىڭ قەلبىدىكىنى. ئادەمنىڭ ھەققانىي ۋە ئادىل ئىش قىلىشى، قۇربانلىق قىلغىنىدىنمۇ بەكرەك خۇرسەن قىلار پەرۋەردىگارنى. گۇناھتۇر كۆزنىڭ تەكەببۇرلۇقى ۋە قەلبنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى، يامانلارنىڭ كىبىرلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشى. چوقۇم مولچىلىق كەلتۈرەر ئەستايىدىل ئادەمنىڭ پىلانى، پەقەت موھتاجلىقتا قالار بارلىق ئالدىراڭغۇ كىشى. يالغان سۆزلەپ تاپقان بايلىقلار خۇددى، ئۇچۇپ كېتىدىغان تۈتۈن، ئەجەللىك تۇزاق كەبى. ئۆز بېشىغا چىقار يامانلارنىڭ زالىملىقى، چۈنكى رەت قىلار ئادالەت يولىدا مېڭىشنى. ئەگرىدۇر گۇناھكارنىڭ يولى، دۇرۇستۇر پاكنىڭ ئىش-ھەرىكىتى. سوقۇشقاق خوتۇن بىلەن بىر ئۆيدە ياشاشتىن، ئەۋزەلدۇر ئۆگزىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا ياشاش. ياماننىڭ كۆڭلى ھېرىسمەندۇر يامانلىققىلا، ھىممەت قىلماس ئۇ ھەتتا ئۆز يېقىنلىرىغا. نادان ئىبرەت ئالار مازاقچى تارتىلغىنىدا جازاغا، دانا بىلىم ئالار نەسىھەت بېرىلگەندە ئۇنىڭغا. ئادىل خۇدا كۆزىتىپ تۇرار ياماننىڭ ئۆيىنى، زاۋاللىققا يۈز تۇتقۇزار ھامان يامانلارنى. كىمكى قۇلاق سالمىسا كەمبەغەللەرنىڭ داد-پەريادىغا، ئۆزى داد-پەرياد قىلغاندىمۇ ھېچكىم جاۋاب بەرمەس ئۇنىڭغا. باسار يوشۇرۇن سوۋغات ئاچچىقنى، يەڭ ئىچىدە بېرىلگەن پارا قەھر-غەزەپنى. ئادالەت بەجا كەلتۈرۈلگەندە ھەققانىيلار خۇشال بولار، يامانلىق قىلغۇچىلار بولسا ۋەھىمىدە قالار. ئەقىل-ئىدراك يولىدىن چىققۇچى، بولار ئۆلۈكلەرنىڭ ئارىسىدىكى بىرى. راھەت-پاراغەتكە بېرىلگەن كىشى نامرات قالار، بېيىماس شاراب ئىچىش، ياغ چايناشقا ئامراقلار. ئۆزىگە قايتار رەزىلنىڭ ھەققانىيغا پىلانلىغان يامانلىقى، ۋاپاسىزنىڭ دۇرۇسقا قىلغان يامان نىيىتى. سوقۇشقاق ۋە تېرىككەك خوتۇن بىلەن ياشاشتىن، ئەۋزەلدۇر چۆل-باياۋاندا ياشاش. ئاقىلنىڭ ئۆيىدە ئارزۇلۇق بايلىق، نازۇنېمەتلەر، ئەخمەقلەر بار دۇنياسىنى بۇزۇپ-چاچار. ھەققانىيەت ۋە سادىقلىقنى ئىزدىگەنلەر، چىن ھاياتلىق، ھەققانىيلىق ۋە ھۆرمەتكە ئېرىشەر. ئېلىپ ئاقىل كۈچلۈكلەرنىڭ شەھىرىنى، غۇلىتار ئۇلارنىڭ تايانچى بولغان قورغىنىنى. ئۆز ئاغزىغا ئىگە بولغان كىشى، ساقلاپ قالار بالادىن ئۆزىنى. تەكەببۇرلۇق ۋە چوڭچىلىق قىلغان «مەسخىرىچى» دەپ ئاتىلار، ئۇ زىيادە كىبىرلىك بىلەن ئىش قىلار. ھالاك قىلار ئۆزىنى ھۇرۇننىڭ تەمەسى، چۈنكى ئىشقا بارماس ئۇنىڭ قولى. ئۇ كۈن بويى ئاچكۆزلۈك بىلەن تەمە قىلار، ھەققانىي بولسا ئايىماي سېخىيلىق قىلار. يامانلارنىڭ قۇربانلىقى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر، يامان غەرەزدە قىلىنغان بولسا تېخىمۇ شۇنداقتۇر. ساختا گۇۋاھلىق يوققا چىقار، ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغۇچىنىڭ گۇۋاھلىقى مەڭگۈلۈك بولار. قېلىندۇر يامان ئادەمنىڭ يۈزى، ئويلىنىپ ماڭار دۇرۇس ئۆز يولىنى. ھەرقانداق دانالىق، ئەقىل-ئىدراك ياكى مەسلىھەت، قارشى بولسا پەرۋەردىگارغا، كارغا كەلمەس پەقەت. ئاتلار جەڭ ئۈچۈن تەييار قىلىنار، بىراق غەلىبە پەقەت پەرۋەردىگاردىنلا بولار. ئەۋزەلدۇر ياخشى نام زور بايلىقتىن، چوڭقۇر ھۆرمەت ئالتۇن-كۈمۈشتىن. گاداي بىلەن باينىڭ ئورتاقلىقى شۇكى: پەرۋەردىگار ياراتقۇچىدۇر ھەر ئىككىلىسىنى. زېرەك خەۋپ-خەتەرنى كۆرۈپ قاچار، نادان قارىغۇلارچە ئالغا بېسىپ ئازاب تارتار. ئەيمەنسە كىمكى كەمتەرلىك بىلەن پەرۋەردىگاردىن، بەھرىمەن بولۇر ئۇ باياشاتلىق، ھۆرمەت ۋە ھەقىقىي ھاياتلىقتىن. ھىيلىگەرلەرنىڭ يولىدا تىكەن، تۇزاقلار ياتار، ھاياتىنى ئەزىزلىگەن كىشى ئۇلاردىن يىراق تۇرار. تەربىيىلە بالاڭنى توغرا يولدا مېڭىشقا، چوڭ بولغاندىمۇ شۇ يولدىن چىقماس ئۇ شۇندا. باي كەمبەغەلنى باشقۇرار، قەرزدار قەرز بەرگۈچىنىڭ قۇلى بولار. ناھەقلىق ئۇرۇقىنى چاچقان بالايىئاپەت ئورار، ئۇنىڭ قەھر تايىقى ھامان سۇندۇرۇلار. سېخىي ئادەم بەرىكەت تاپار، چۈنكى ئۇ يوقسۇللارغا ئۆز نېنىدىن بۆلۈپ بېرەر. مەسخىرىچىنى قوغلىساڭ، جاڭجال يوقىلار، جېدەل-ماجىرا ۋە ھاقارەت ھەم تۈگەر. دىل پاكلىقىنى سۆيىدىغان ۋە سۆزلىرى يېقىملىق كىشى، بولار پادىشاھنىڭ دوستى. قوغدار پەرۋەردىگار ھەقىقەتنى، يوققا چىقىرار ۋاپاسىزنىڭ سۆزلىرىنى. ھۇرۇن شۇنداق دەر:«شىر بار تالادا، يەم بولىمەن چىقسام كوچىغا». چوڭقۇر ئورىدۇر بۇزۇق ئايالنىڭ ئاغزى، ئۇنىڭغا چۈشەر پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرگەن كىشى. نادانلىق قاپلىغاندۇر بالىلارنىڭ قەلبىنى، نادانلىقنى قوغلىغۇچىدۇر تەربىيە تايىقى. قالار موھتاجلىقتا پەقەت، بايلىق ئۈچۈن يوقسۇلنى ئەزگۈچى، بايلارغا ھەم سوۋغات بەرگۈچى. قۇلاق سال دانالارنىڭ سۆزلىرىگە، كۆڭۈل قوي مەن ئۆگەتكەن ئىلىم-ھېكمەتكە. ياخشىدۇر ساقلىساڭ ئۇلارنى قەلبىڭدە، تەييار بولسا تىلىڭدا ئۇلار ھەمىشە. ئىشەنچىڭنى باغلاش ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا، بۈگۈن ئۇلارنى تونۇتىمەن ساڭا. ئىلىم-ھېكمەت ۋە كېڭەش بېرىش ئۈچۈن ساڭا، يېزىپ بەرمىدىممۇ ئوتتۇز نەسىھەتنى مانا؟ بۇنىڭدىندىكى مەقسەت سەن ھەقىقەتنى بىلىسەن، ئۆزۈڭنى ئەۋەتكۈچىلەرگە ھەم ھەقىقىي جاۋاب بېرەلەيسەن. يوقسۇل بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئېزىپ نەپ ئالما، سوتتا يۆلەنچۈكى يوقنى بوزەك قىلما. چۈنكى ئاقلار پەرۋەردىگار ئۇلارنى، ئالار ئۇ ئۇلارنى ئەزگەنلەرنىڭ جېنىنى. تېرىككەك ئادەم بىلەن دوست بولما، قەھرلىك ئادەم بىلەن ئارىلاشما، سەنمۇ ئۇلارنى دورايسەن بولمىسا، چۈشىسەن ئۆزۈڭ ھەم تۇزاققا. بولما قول بېرىپ كېپىل بولغۇچىلاردىن، قەرز تۆلەشكە كاپالەت بەرگۈچىلەردىن، قايتۇرغۇدەك نەرسەڭ بولمىغاندا ئۆزگىنىڭ قەرزىنى، ياتقان ئورنۇڭنى تارتقۇزۇپ قويۇشۇڭنىڭ نېمە ھاجىتى؟ يۆتكىمە قەدىمدە ئەجدادىڭ بەلگىلەپ قويغان پاسىلنى. كۆرگەنسەن ئىشىغا ماھىر ئۇستىنى؟ ئۇ پۇقرانىڭ ئەمەس، پادىشاھلارنىڭ خىزمىتىدىدۇر. ھۆكۈمدار بىلەن ھەمداستىخان بولغاندا، ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئېسىڭدە ساقلا. ئەگەر نەپسىڭ يامان بولسا، ئۆزۈڭنى تارت پىچاق قادالغاندەك بوغۇزۇڭغا. ئۇنىڭ نازۇنېمەتلىرىگە ئىشتەي ساقلىما، ئالدامچىلىق يوشۇرۇلغاندۇر بەلكى ئۇلاردا. باي بولىمەن دەپ ئۇپراتما ئۆزۈڭنى، ئەقىللىقلىق بىلەن تاشلا بۇ ئويۇڭنى. كۆزۈڭ بايلىققا چۈشكەندە ئۇ يوقىلار، چۈنكى ئۇ بىردىنلا قانات چىقىرپ، بۈركۈتتەك ئۇچۇپ كېتەر. بېخىلنىڭ نېنىنى يېمە، ئىشتەي ساقلىما ئۇنىڭ نازۇنېمەتلىرىگە. چۈنكى ئۇ كۆڭلىدە ئۆزىنىڭ پايدىسىنى ئويلايدىغان ئادەمدۇر. «تارتىنماي يەڭ، ئىچىڭ» دەر، بىراق كۆڭلى سەندە ئەمەستۇر. يېگەن تامىقىڭ يېنىپ چىقار، ئېيتقان چىرايلىق سۆزلىرىڭ بىكار بولار. ئەخمەققە سۆزلەپ ئاۋارە قىلما ئۆزۈڭنى، چۈنكى كۆزگە ئىلماس ئۇ ئاقىلانە سۆزلىرىڭنى. يۆتكىمە قەدىمدە بەلگىلەپ قويغان پاسىلنى، تارتىۋالما يېتىملارنىڭ ئېتىزلىرىنى. چۈنكى قۇدرەتلىكتۇر ئۇلارنىڭ ھىمايىچىسى، ئۇلارنىڭ تەرىپىنى ئالار ئۇ ساڭا قارشى. كۆڭۈل قوي نەسىھەتكە، قۇلاق سال ھېكمەتلىك سۆزلەرگە. بالاڭدىن تۈزىتىش تەربىيىسىنى ئايىما، ئۇ ئۆلۈپ قالماس تاياق بىلەن سالغانغا. گەر ئۇرساڭ تاياق بىلەن ئۇنى، ساقلاپ قالارسەن ئەجەلدىن ئۇنىڭ جېنىنى. ئەي ئوغلۇم، دانا بولساڭ، قەلبىم يايرار. توغرا سۆزلىسەڭ يۈرىكىم شادلىنار. گۇناھكارلارغا ھەسەت قىلما، پەرۋەردىگاردىن ئەيمەن دائىما. بەرھەق، باردۇر سېنىڭ ئىستىقبالىڭ. يوققا چىقماس ئارزۇ-ئۈمىدىڭ. ئەي ئوغلۇم، سۆزۈمگە قۇلاق سال، بول دانا، قەلبىڭنى توغرا يولغا بېغىشلا. بولما ھاراقكەشلەرنىڭ ئارىسىدا، ئارىلاشما گۆشكە تويماسلارغا. چۈنكى ھاراقكەش ۋە تويماسلار يوقسۇللۇقتا قالار، غەپلەت ئۇيقۇسى ئۇلارنى جۇل-جۇل كىيىمدە قالدۇرار. ئاڭلا سېنى تاپقان ئاتاڭنىڭ سۆزىنى، كەمسىتمە ئاناڭ ياشانغاندا ئۇنى. بەدەل تۆلىسەڭمۇ ھەقىقەتنى تاپ، ساتما ئۇنى، تاپ ھەم دانالىق، تەربىيە ۋە پاراسەتنى. ھەققانىي ئوغلى بولغان ئاتا زور خۇشاللىق تاپار، ئاقىل ئوغۇل تاپقان ئاتا ئۇنىڭدىن شادلىققا تولار. ئاتا-ئاناڭ سەندىن خوش بولسۇن! سېنى تۇغقان ئاناڭ شادلانسۇن. ئەي ئوغلۇم، ماڭا بېغىشلا قەلبىڭنى، كۆزۈڭ بىلەن كۆزىتىپ تۇر يولۇمنى! پاھىشە ئايال چوڭقۇر ئورىدۇر، بۇزۇق ئايال تار قۇدۇقتۇر. بۇنداق ئايال خۇددى قاراقچىلاردەك مۆكۈنۈپ تۇرار، ئىنسانلار ئارىسىدا خوتۇنىغا ۋاپاسىز ئەرلەرنى ئاۋۇتار. كىملەر ئازاب-قايغۇدا؟ كىملەر جېدەل چىقىرار، زارلىنار؟ كىملەر سەۋەبسىز يارىلىنار؟ كىمنىڭ كۆزى مەيدىن قىزىرار؟ مەي سورۇنىدا ئۇزاق ئولتۇرغانلار، ئەبجەش شارابنى ئىچىشكە بېرىلگەنلەر شۇنداق كۈنگە قالار! شاراپنىڭ قىزىللىقىغا، جامدىكى جۇلاسىغا قارىما، گېلىڭدىن شۇنداق سىلىق ئۆتكەنلىكىگە مەپتۇن بولما. ئاخىرىدا ئۇ سېنى يىلاندەك چېقىۋالار، زەھەرلىك يىلاندەك نەشتىرىنى سانجار. كۆرۈنەر كۆزۈڭگە غەلىتە مەنزىرىلەر، ئەقلىڭ ئېزىپ، چىقار ئاغزىڭدىن قالايمىقان سۆزلەر. بولارسەن خۇددى دېڭىز ئوتتۇرىسىدا لەيلەپ قالغاندەك، كېمە موما ياغىچىنىڭ ئۇچىدا ياتقاندەك. دەرسەنكى: «مېنى دۇمبالىدى، ئاغرىمىدى! ئۇردى، بىلمىدىم ھېچنېمىنى. قاچان ھوشۇمغا كېلىپ يەنە ئىچەرمەن مەينى!» يامانلارغا ھەسەت قىلما، ئۇلار بىلەن بىللە بولۇشنى ئارزۇ قىلما. ئۇلار كۆڭلىدە زوراۋانلىقنى ئويلار، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن شۇملۇق ياغار. ئۆي سېلىنار دانالىق بىلەن، مۇستەھكەملىنەر ئەقىل-ئىدراك بىلەن. تولدۇرار بىلىم ئۆينىڭ خانىلىرىنى، ھەرخىل قىممەتلىك ئېسىل بايلىقلار بىلەن. ئاقىل كۈچلۈكتىن قۇدرەتلىك بولار، بىلىملىك ئادەم ئۆز قۇدرىتىنى ئاشۇرار. ئاقىلانە مەسلىھەت بىلەن ئۇرۇش ئېلىپ بار، مەسلىھەتچى كۆپ بولغاندا غەلىبىلىك بولار. يىراقتۇر دانالىق ئەخمەققە، كۆپچىلىك يىغىلىشىدا ئەخمەق زۇۋان سۈرەلمەس. يامانلىق پىلانلىغان ئادەم «سۇيىقەستچى» ئاتىلۇر. ئەخمەقلىق بىلەن تۈزۈلگەن پىلان گۇناھتۇر، ئادەم ئۈچۈن مازاقچى يىرگىنچلىكتۇر. ئېغىر كۈندە جاسارىتىڭنى يوقاتساڭ، سەن ئاجىزسەن. قۇتقۇز ئۆلۈم خەۋپىدە قالغانلارنى، قۇتۇلدۇر ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغانلارنى. گەر«بىلمەپتىمەن» دەپ قاچۇرساڭ ئۆزۈڭنى، ئىنسان كۆڭلىنى دەڭسىگۈچى كۆرۈپ تۇرماسمۇ بۇنى؟ ھاياتىڭنى قوغدىغۇچى بىلمەسمۇ؟ ئۇ ھەربىر ئادەمنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ ياندۇرماسمۇ؟ ئى ئوغلۇم، ھەسەل ئىستېمال قىل، ئۇ ياخشىدۇر. ھەرە كۆنىكىدىن ئالغان ھەسەل تېخىمۇ تاتلىقتۇر. تاتلىقتۇر دانالىق ھەسەلدەك جېنىڭغا، ئىستىقبالىڭ پارلاقتۇر گەر ئېرىشسەڭ ئۇنىڭغا، ئارزۇ-ئۈمىدىڭ ھەم چىقماس يوققا. رەزىلدەك ھەققانىينىڭ ئۆيىنى يوشۇرۇن پايلاپ تۇرما، ئۇنىڭ ئۆيىنى ۋەيران قىلما! چۈنكى ئۇ يەتتە قېتىم يىقىلسىمۇ، يەنىلا ئورنىدىن تۇرار، بىراق رەزىللەر بالا-قازادا يىقىلار. رەقىبىڭ يىقىلغاندا خۇشال بولما، پۇتلاشقىنىدا ئىچ-ئىچىڭدىن شادلانما. بولمىسا ياقتۇرماس پەرۋەردىگار كۆرۈپ بۇنى، توختىتار رەقىبىڭدىن غەزىپىنى. كۆڭلۈڭ بىسەرەمجان بولمىسۇن رەزىللەردىن، يۈرىكىڭ ئېچىشمىسۇن ھەسەت قىلىپ يامانلاردىن. چۈنكى بولماس رەزىللەرنىڭ ئىستىقبالى، ئۆچۈرۈلەر يامانلارنىڭ چىرىغى. ئەي ئوغلۇم! پەرۋەردىگاردىن قورقماس بولما، پادىشاھنى ھۆرمەتلىمەي قالما، ئۇلارغا قارشى چىققۇچىلارغا شېرىك بولما. چۈنكى ئۇشتۇمتۇت بالايىئاپەت ئۇلارغا كېلەر، پەرۋەردىگار ۋە پادىشاھ كەلتۈرىدىغان ھالاكەتنى كىممۇ بىلەر؟ بۇلارمۇ دانالارنىڭ سۆزلىرىدۇر: ھۆكۈمدە بىر تەرەپكە يان بېسىش ياماندۇر. جىنايەتچىگە: «گۇناھسىز سەن» دەپ ھۆكۈم چىقارغۇچىنى، قارغايدۇ خەلقلەر؛ ئۆچ كۆرىدۇ ئەل-جامائەت ئۇنى. بىراق ئۇلار جىنايەتچىنى ئەيىبلىگۈچىدىن خۇرسەن بولىدۇ، بەخت-سائادەتلەر ئۇنىڭغا كېلىدۇ. سەمىمىي جاۋاب بەرگۈچى كۆرسىتەر چىن دوستلۇقنى. تۈگەتكىن ئاۋۋال سىرتتىكى ئىشلارنى، ئورۇنلاشتۇرغىن ئېتىزدىكى ئىشلىرىڭنى، قۇرغىن ئاندىن ئۆيۈڭنى. سەۋەبسىز يېقىنىڭغا قارشى گۇۋاھلىق قىلما، يالغان سۆزلەپ ئالدىما. دېمە:«ئۇ ماڭا قانداق قىلغان بولسا، مەنمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىمەن، ئۇنىڭ ماڭا قىلغىنىدەك ياندۇرىمەن». ئۆتتۈم مەن ھۇرۇننىڭ ئېتىزلىقىدىن، ئەقىلسىزنىڭ ئۈزۈمزارلىقىدىن. مانا ھەر يېرىدىن تىكەنلەر ئۆسۈپ چىققان، ياۋا ئوت-چۆپلەر ھەممە يەرنى قاپلىغان، قورۇق تېمى ئۆرۈلۈپ كەتكەن! ئۇلارنى كۆرۈشۈم بىلەن ئويغا پاتتىم، كۆرگىنىمدىن مۇنداق ساۋاق ئالدىم: دېسەڭ: «بىرئاز كۆزۈمنى يۇمۇۋالاي، بىردەم ئۇخلىۋالاي، يەنە بىردەم پۇت-قولۇمنى ئالماپ يېتىۋالاي»، يېنىڭغا كېلەر قاراقچىدەك نامراتلىق، قوراللىق بۇلاڭچىدەك موھتاجلىق. تۆۋەندە بايان قىلىنىدىغانلىرىمۇ سۇلايمان پادىشاھنىڭ پەند-نەسىھەتلىرى بولۇپ، بۇلارنى يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىيانىڭ ئوردىسىدىكىلەر كۆچۈرۈپ توپلىغان. پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقىدۇر ئۇنىڭ كارامەتلىرىنىڭ سىرلىقلىقى، پادىشاھلارنىڭ شۆھرىتىدۇر ئىشلارنىڭ تېگىگە يېتىپ يېشىشى. ئاسماننىڭ ئېگىزلىكىنى، يەرنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى بىلگىلى بولماس، شۇنىڭغا ئوخشاش، پادىشاھلارنىڭ كۆڭلىدىكىنىڭ تېگىگە يەتكىلى بولماس. ئاۋۋال كۈمۈشنى تاۋلاپ، چىقىندىسىنى ئايرىپ تاشلا، ئاندىن زەرگەر قۇيۇپ چىقىدۇ نەپىس بىر قاچا. ئاۋۋال پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدىن قوغلىۋەت يامان مەسلىھەتچىلەرنى، ئاندىن ھەققانىيەت بىلەن مۇستەھكەم بولار ئۇنىڭ تەختى. پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتما، ياكى ئەربابلارنىڭ ئورنىدا تۇرۇۋالما. چۈنكى ئورنۇڭنى جانابقا بېرىشكە چاقىرىلىپ، پەگاھقا چۈشۈپ قالغاندىن، باشقىلارنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن پەگاھتىن تۆرگە ئۆتكىنىڭ ئەۋزەل. ئالدىراڭغۇلۇق بىلەن سوتقا ئەرز قىلما، قانداق قىلىسەن مۇبادا يېقىنىڭ سېنى شەرمەندە قىلسا؟ مۇنازىرىلەش يېقىنىڭ بىلەن سېنىڭ ھەق بولسا، لېكىن باشقىلارنىڭ سىرىنى ئاچما. بولمىسا، بۇنى ئاڭلىغۇچى قالدۇرار سېنى ئۇياتقا، قۇتۇلالمايسەن سېسىق نامدىن شۇ چاغدا. جايىدا قىلىنغان سۆزلەر، كۈمۈش تاۋاققا تىزىلغان ئالتۇن ئالمىلاردەكتۇر. قۇلاق سالغۇچى ئۈچۈن دانالارنىڭ تەنبىھى، گويا ئالتۇن ھالقا ياكى ساپ ئالتۇن بېزەك كەبى. ئەۋەتكۈچى ئۈچۈن ساداقەتمەن ئەلچى، خۇددى ئورما ۋاقتىدا قار سوغۇقى كەبى، چۈنكى ئۇرغۇتار ئۇ خوجايىنىنىڭ روھىنى. سوۋغات بېرىمەن دەپ ماختانغان لېكىن بەرمىگەن كىشى، خۇددى يامغۇرى يوق قارا بۇلۇت ۋە بوران كەبى. سەۋر-تاقەت بىلەن سۆزلىگەندە ھۆكۈمدار كۆنەر. يۇمشاق سۆز سۆڭەكتىن ئۆتەر. ھەسەلگە ئېرىشكەندە پەقەت تويغۇچىلا يە، كۆپ يەپ ياندۇرۇۋەتمە. ئاز دەسسىگىن قوشناڭنىڭ بوسۇغىسىغا، تويۇپ سەندىن ئۆچ بولۇپ قالار بولمىسا. يېقىنىغا قارشى يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈچى، گويا توقماق، قىلىچ ۋە ئۆتكۈر ئوقتا زەربە بەرگەن كەبى. ئېغىر كۈنلەردە تايىنىش ۋاپاسىزغا، ئوخشار چىرىگەن چىش، سۇنغان پۇتقا. ناخشا ئېيتىپ بېرىش غەمكىن كىشىگە، ئوخشار سوغۇق كۈندە كىيىمىنى سالدۇرۇۋالغانغا، ياكى تۇز قۇيغاندەك يارىسىغا. دۈشمىنىڭ ئاچ بولسا، نان بەر، ئۇسسىغان بولسا، سۇ بەر. خىجالەتتە قالدۇرىسەن ئۇنى شۇندا، ياندۇرار پەرۋەردىگار ساڭا. شىمال تەرەپتىن چىققان شامال قاتتىق يامغۇر ياغدۇرار، چېقىمچىلىق بولسا غەزەپنى چىرايىغا چىقارار. سوقۇشقاق خوتۇن بىلەن بىر ئۆيدە ياشاشتىن، ئەۋزەلدۇر ئۆگزىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا ياشاش. يىراق يۇرتتىن كەلگەن خوش خەۋەر خۇددى، چاڭقاشنى قاندۇرغان مۇزدەك سۇ كەبى. رەزىلگە يول قويغان ھەققانىي كىشى، خۇددى لېيىپ كەتكەن بۇلاق، بۇلغانغان قۇدۇق كەبى. ياخشى ئەمەستۇر ھەسەلنى ھەددىدىن زىيادە يېيش، شەرەپلىك ئەمەستۇر شۆھرەتپەرەسلىك قوغلىشىش. ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايدىغان كىشى، خۇددى سېپىلى بۇزۇۋېتىلگەن شەھەر كەبى. يازدا قار، ئورما ۋاقتىدا يامغۇر قاملاشمىغاندەك، ئەخمەققىمۇ ئىززەت-ھۆرمەت قاملاشماس. قۇشقاچ ئۇچۇپ، قارلىغاچ قانات قاققاندەك، سەۋەبسىز قارغاشمۇ كىشىگە تەگمەس. ياراشقاندەك قامچا ئاتقا، نوختا ئېشەككە، يارىشار دەررە ئەخمەقنىڭ دۈمبىسىگە. جاۋاپ قايتۇرما ئەقىلسىزنىڭ ئەخمەقلىقىگە يارىشا، ئۇنىڭغا ئوخشاپ قالىسەن بولمىسا. جاۋاپ قايتۇر ئەقىلسىزنىڭ ئەخمەقلىقىگە يارىشا، ئۇ ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلاپ قالار بولمىسا. ئەخمەقتىن خەۋەر يوللىغان كىشى، گويا ئۆز پۇتىنى ئۆزى چاپقان، زەھەر يۇتقان كەبى. كارغا كەلمىگەندەك پۇتلىرى توكۇرنىڭ، كارغا كەلمەس ئاغزىدىكى پەند-نەسىھەت ئەخمەقنىڭ. ئىززەت-ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئەخمەققە، ئوخشار سالغىغا تاشنى باغلاپ قويغانغا. پەند-نەسىھەت ئەخمەقنىڭ ئاغزىدىكى، گويا مەست شىلتىۋاتقان تىكەنلىك شاخ كەبى. ياللىسا ئەخمەقنى ياكى ئۇدۇل كەلگەن ئادەمنى كىمكى، بولار قارىغۇلارچە ئوق ئاتقان مەرگەن كەبى. ئىت ئايلىنىپ كېلىپ يالىغاندەك ئۆز قۇسۇقىنى، قايتار ئەخمەق ئۆز ئەخمەقلىقىنى. كۆردۈڭمۇ ئۆزىنى ئاقىل چاغلىغان كىشىنى؟ ئۇنىڭدىن ئۈمىد كۈتكەندىن ئەخمەقتىن ئۈمىد كۈتكەن ياخشى. ھۇرۇن دەركى: «شىر باردۇر كوچا ۋە مەيداندا». ئېچىلىپ-يېپىلار ئىشىك مۇجۇقىدا، ئېغىناپ ياتار ھۇرۇن كارىۋىتىدا. ھۇرۇن سۇنار قولىنى قاچىغا، غىزانى ئاغزىغا سېلىشقىمۇ ئېرىنەر ھەتتا. ھۇرۇن ئۆزىنى شۇنداق چاغلار، ھەتتا ئاقىلانە جاۋاب بېرىدىغان يەتتە كىشىدىنمۇ ئاقىل سانار. ئارىلىشىش ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز جاڭجالغا، ئوخشار ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئىتنىڭ قۇلىقىنى تارتقانغا. ئوت ئۆچەر ئوتۇن بولمىسا، جېدەل تۈگەر چېقىمچى بولمىسا. خۇددى چوغ ئۈستىگە سالغان كۆمۈر كەبى، ئوت ئۈستىگە تاشلىغان ئوتۇن كەبى، ئۇلغايتار جېدەلخور جېدەل-ماجىرانى. ئوخشار غەيۋەتچىنىڭ سۆزلىرى مەززىلىك تاماققا، تەنگە سىڭىپ كېتەر تېزلا. تىلى ھەسەل، دىلى زەھەر كىشى، كۈمۈش ھەل بېرىلگەن ساپال قاچىنىڭ ئۆزى. ئۆچمەنلىك قىلغۇچى چىرايلىق سۆز بىلەن نىقابلىنار، بىراق كۆڭلىدە ھىيلە-مىكىر ساقلار. شۇڭا ئىشىنىپ كەتمە ئۇ مۇلايىم سۆزلىگەندە، چۈنكى يەتتە قات ئىپلاسلىق باردۇر ئۇنىڭ قەلبىدە. ئۆچمەنلىكىنى ئۇ ھىيلىگەرلىك بىلەن ياپار، لېكىن ئۇنىڭ رەزىللىكى جامائەت ئالدىدا ئاشكارا بولار. كىشىگە ئورا كولىغان ئۆزى چۈشەر، ئۆزگىگە دومىلاتقان تاش ئۆزىگە قايتار. يالغانچى ئۆزى زىيان كەلتۈرگەنلەرنى ئۆچ كۆرەر، خۇشامەتچى ھالاكەت ئېلىپ كېلەر. ماختانما ئەتىكى كۈنۈڭ بىلەن، چۈنكى ئەتىنىڭ نېمە ئېلىپ كېلىشىنى بىلمەيسەن. ماختانما ئۆز ئۆزۈڭدىن، سېنى باشقىلار ماختىسۇن، ماختانما ئۆز ئاغزىڭ بىلەن، سېنى ياتلار ماختىسۇن. تاشمۇ ھەم قۇممۇ ئېغىر، بىراق ئەخمەق كەلتۈرگەن ئازاب ئىككىسىدىنمۇ ئېغىر. غەزەپ رەھىمسىزدۇر، قەھر ئوخشار كەلكۈنگە، بىراق تاقابىل تۇرالار كىممۇ كۈندىشىنىڭ كۈندەشلىكىگە؟ ئاشكارا تەنبىھ يوشۇرۇن مۇھەببەتتىن ئەلادۇر. دوستۇڭنىڭ سالغان جاراھىتى ئۇنىڭ ۋاپادارلىقىدىندۇر، دۈشمىنىڭنىڭ سۆيۈشلىرى بولسا ھىيلىگەرلىكىدىندۇر. بىزاردۇر توق كىشى ھەسەلدىنمۇ، تاتلىقتۇر ئاچلىقتا ھەرقانداق ئاچچىق نەرسىمۇ. ئۆيىدىن ئايرىلغان كىشى، ئۇۋىسىدىن ئايرىلغان قۇش كەبى. ئاچار خۇشبۇي ماي ۋە ئەتىر كىشىنىڭ كۆڭلىنى، سەمىمىي مەسلىھىتىدىن بىلىنەر دوستنىڭ غەمخورلۇقى. ئۆز دوستۇڭ ھەم ئاتاڭنىڭ دوستىنى تاشلىما، بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە تۇغقىنىڭنىڭ ئۆيىگە بارما. ئەلادۇر يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا. ئەي ئوغلۇم، دانالىق تاپ، كۆڭلۈمنى چۆمدۈر خۇشاللىققا، شۇندا جاۋاب قايتۇرالايمەن مېنى تەنقىد قىلغانلارغا. زېرەك كىشى خەۋپ-خەتەرنى كۆرۈپ قاچار، نادان قارىغۇلارچە ئالغا بېسىپ ئازاب تارتار. ياتقا كاپالەت بەرگۈچىدىن كېپىلگە تونىنى ئېلىۋال، ناتونۇشقا كېپىل بولغۇچىدىن كېپىللىك ئال. كىمكى تاڭ سەھەردە ۋارقىراپ قوشنىسىدىن ئامانلىق سورىسا، بۇ قارغىغاندەك ئاڭلىنار قوشنىسىغا. سوقۇشقاق خوتۇن ئوخشار، يامغۇرلۇق كۈندە تورۇستىن توختىماي تامچىلىغان تامچىغا. ئوخشار ئۇنى توسۇشنىڭ ئۆزى بوراننى توسۇشقا، ياكى ئوڭ قولى بىلەن ماي چاڭگاللىغانغا. تۆمۈر تۆمۈرنى بىلەيدۇ، ئادەم ئادەمنى ئۆتكۈرلەشتۈرىدۇ. مېۋىسىنى يەر ئەنجۈر كۆچىتىنى پەرۋىش قىلغۇچى، ئىززەتكە ئېرىشەر خوجايىنىنى ياخشى كۈتكۈچى. سۇ ئادەمنىڭ يۈزىنى ئەكس ئەتتۈرگەن كەبى، ئادەمنىڭ ئۆزىنى ئەكس ئەتتۈرەر يۈرىكى. ھېچ تويماس گۆر ۋە ئۆلۈكلەر ماكانى، قانائەت تاپماس ئادەمنىڭ نەپسى. تاۋلىنار ئالتۇن-كۈمۈش ئوتتا، سىنىلار ئادەم ماختالغاندا. سوقساڭمۇ بۇغداي سوققاندەك ئەخمەقنى، ئايرىلماس يەنىلا ئۇنىڭدىن ئەخمەقلىقى. پادىلىرىڭنىڭ ئەھۋالىنى ئوبدان ئىگىلە، مال-ۋارانلىرىڭغا ياخشى قارا. چۈنكى بايلىق مەڭگۈلۈك بولماس، قالماس تاجمۇ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا مىراس. چۆپلەر قۇرۇپ، يېڭى چۆپلەر ئۆسۈپ چىققاندا، تاغ باغرىدىكى ئوتلار ئورۇلغاندا، قويلارنىڭ يۇڭلىرى ساڭا كىيىملىك بولار، ئۆچكىلەرنى ساتقان پۇل بىر ئېتىزغا يارار. يېتەرلىك بولار سۈتى ئۆچكىلەرنىڭ، ئوزۇقىغا سېنىڭ ۋە ئائىلەڭنىڭ، تۇرمۇشىنى قامدىشىغا ھەم دېدەكلىرىڭنىڭ. قاچار ھېچكىم قوغلىمىسىمۇ يامانلار، شىردەك باتۇردۇر ھەققانىيلار. كۆپىيەر ھۆكۈمدارلار گۇناھ كۆپەيسە يۇرتتا، مۇقىملىق داۋاملىشار دانا ۋە بىلىملىك ھۆكۈمدار بولغاندا. كەمبەغەل كەمبەغەلنى بوزەك قىلسا، ئوخشار زىرائەتلەرنى نابۇت قىلىدىغان قارا يامغۇرغا. پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمىدىن ۋاز كېچىش يامانلارنى ماختىغانلىقتۇر، ئۇنىڭ تەلىمىگە ئەمەل قىلىش يامانلار بىلەن قارشىلاشقانلىقتۇر. چۈشەنمەس رەزىللەر ئادالەتنى، تولۇق چۈشىنەر پەرۋەردىگارغا تەلپۈنگۈچىلەر ئۇنى. دىيانەت يولىدا ماڭغان كەمبەغەل كىشى، ئەگرى يولدا يۈرگەن بايدىن ياخشى. ئاقىل ئوغۇلدۇر پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمىگە ئەمەل قىلغان، ئاتىسىنى نومۇسقا قالدۇرار نان قېپىلارغا ھەمراھ بولغان. جازانىخورلۇق بىلەن بايلىقىنى كۆپەيتكەن كىشىنىڭ بايلىقى، كەمبەغەللەرگە ساخاۋەت قىلغۇچى ئۈچۈن قالار ئاخىرى. پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمىگە كىمكى قۇلاق سالمىسا، ئۇنىڭ دۇئالىرىمۇ يىرگىنچلىكتۇر ھەتتا. دۇرۇسلارنى يامان يولغا ئازدۇرغۇچى چۈشەر ئۆزى كولىغان ئورىغا. پاك-دىيانەتلىك مىراسخور بولار ياخشىلىققا. دانادۇر باي ئۆز نەزىرىدە، ئاياندۇر ئۇنىڭ قانداقلىقى زېرەك كەمبەغەلگە. جاھاننى قاپلار تەنتەنە ھەققانىيلار ھوقۇق تۇتسا، ئادەملەر ئۆزىنى قاچۇرار يامانلار ھاكىمىيەت يۈرگۈزسە. روناق تاپالماس ئۆز گۇناھلىرىنى يوشۇرغان، رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشەر گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىپ قول ئۈزگەن. بەختلىكتۇر پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنگەن ھەمىشە، ئۇچرار بوينى قاتتىق بالايىئاپەتكە. يوقسۇللارنىڭ ئۈستىدىكى رەزىل ھۆكۈمدار، ھۆركىرەپ تۇرغان شىر، ئوۋ ئىزدەپ يۈرگەن ئېيىققا ئوخشار. ئەقىلسىز ھۆكۈمدار قاتتىق زالىملىق سالار، ھارام بايلىقتىن نەپرەتلەنگەننىڭ ئۆمۈرى ئۇزىرار. قان تۆكۈپ ۋىجدان ئازابى تارتقۇچى قېچىپ يۈرەر ئۆلگۈچە، قىلمىسۇن ئۇنى ھېچكىم ھىمايە. قۇتقۇزۇلار دىيانەت يولىدا ماڭغان، تويۇقسىز يىقىلار ئەگرى يولدا ماڭغان. يېرىگە ئىشلىگەننىڭ قورسىقى توق بولار. قۇرۇق خىيال سۈرگەن تولىمۇ يوقسۇللۇققا قالار. ئېرىشەر مول بەرىكەتكە سادىق كىشى، جازاسىز قالماس بايلىققا ئېرىشىشكە ئالدىرىغۇچى. بىرىگە يان بېسىش ياماندۇر، بىراق ئادەم بىر بۇردا نان ئۈچۈنمۇ بۇنداق گۇناھنى ئۆتكۈزۈر. ئاچكۆز ئالدىرار باي بولۇشقا، بىلمەي قالار ئۇ يوقسۇللۇق چۈشۈشىنى ئۆز بېشىغا. باشقىلارنىڭ خاتالىقىغا تەنبىھ بەرگۈچى خۇشامەتچىگە قارىغاندا، كۆپ ھىممەت تاپار ئاخىرىدا. ئاتا-ئانىسىنى بۇلاپ، يەنە «بۇ گۇناھ ئەمەس» دېگەن، بىر قاتاردا سانىلار جانغا زامىن بولغۇچى بىلەن. جېدەل-ماجىرا تېرار ئاچكۆزلۈك قىلغان، راۋاج تاپار پەرۋەردىگارغا ئىشەنچ باغلىغان. ئەخمەقتۇر ئۆز ئەقلىگە ئىشەنگەن، ئامان قالار دانالىق بىلەن ئىش تۇتقان. موھتاجلىقتا قالماس نامراتلارغا خەيرخاھلىق قىلغان، نۇرغۇن لەنەتكە قالار ئۇلارنى كۆرمەسكە سالغان. يامانلار ھوقۇق تۇتسا، ئادەملەر ئۆزىنى قاچۇرار، ئۇلار زاۋال تاپسا، ھەققانىيلار ھوقۇق تۇتار. كىمكى قايتا-قايتا ئەيىبلەنگەندىمۇ بوينى قاتتىقلىق قىلسا، تۇيۇقسىز بىتچىت بولۇپ، قالار قۇتقۇزۇلغۇسىز ھالغا. پۇقرا شادلىنار ھەققانىيلار ھوقۇق تۇتسا، نالە-پەرياد كۆتۈرەر رەزىللەر ھۆكۈم سۈرسە. ئاتىسىنى شادلاندۇرار دانالىقنى سۆيگەن ئوغۇل، مال-مۈلكىنى بۇزۇپ-چاچار پاھىشىلەرگە ھەمراھ بولغان ئوغۇل. پادىشاھ مۇستەھكەم قىلار ئادالەت بىلەن يۇرتنى، پارىخور بولسا زاۋال تاپقۇزار ئۇنى. ئۆز يېقىنىغا خۇشامەت قىلغان كىشى، گويا پۇتىغا قاپقان قۇرغان كەبى. ئۆزىگە تۇزاق قۇرار ياماننىڭ گۇناھى، ناخشا ئېيتىپ شادلىنار ھەققانىي. ھەققانىي كۆڭۈل بۆلەر كەمبەغەللەرنىڭ ھوقۇقىغا، رەزىللەرنىڭ كارى بولماس بۇنىڭغا. مازاقچىلار قۇترىتىپ قالايمىقانلاشتۇرار پۈتۈن شەھەرنى، بىراق ئاقىللار ياندۇرار قەھر-غەزەپنى. ئاقىل ئەخمەق بىلەن دەۋاغا چۈشكىنىدە، تىنچلىق بولماس، ئەخمەق ھۈرپىيىپ قىلار مەسخىرە. دىيانەتلىكتىن نەپرەتلىنەر قانخورلار، ئالماقچى بولار دۇرۇسنىڭ جېنىنى ئۇلار. ئەخمەق بىراقلا ئاشكارىلار غەزىپىنى، ئاقىل بېسىۋالار ئۆزىنى. ھۆكۈمدار يالغان سۆزلەرگە قۇلاق سالسا، بارلىق ئەمەلدارلىرى ماڭار يامان يولغا. گاداي ۋە ئۇنى ئەزگۈچىنىڭ ئورتاقلىقى شۇكى، پەرۋەردىگاردۇر ھەر ئىككىلىسىنىڭ كۆزىگە نۇر بەرگۈچى. پادىشاھ ئادالەت بىلەن ھۆكۈم قىلسا ئاجىزلارغا، مەھكەم تۇرار ئۇنىڭ تەختى مەڭگۈگە. تاياق ۋە تەنبىھ ئەقىل تاپقۇزار بالىغا، ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىلگەن بالا ئۇيات كەلتۈرەر ئانىسىغا. ناھەقلىق كۆپىيەر ھوقۇق تۇتسا يامانلار، ئۇلارنىڭ يىقىلغىنىنى كۆرەر ھەققانىيلار. ئوغلۇڭنى تەربىيىلىسەڭ، ئارام تاپقۇزار ئۇ سېنى، سۆيۈندۈرەر ھەم كۆڭلۈڭنى. خەلق تىزگىنسىز قالار، بولمىسا پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىيسى، بەختلىك بولار ئۇنىڭ تەلىمىگە ئەمەل قىلىدىغان كىشى. سۆز بىلەنلا تۈزەتكىلى بولماس قۇلنىڭ خاتالىقىنى، ئېتىبار قىلماس ئۇ چۈشەنسىمۇ سۆزۈڭنى. كۆرگەنمۇ ئويلىماي سۆزلەيدىغان كىشىنى؟ ئۇنىڭدىن ئۈمىد كۈتكەندىن ئەخمەقتىن ئۈمىد كۈتكەن ياخشى. كىمكى قۇلىنى كىچىكىدىن ئۆز مەيلىگە قويىۋەتسە، ئاخىرى ئۇ قۇل ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كېلەر ئۆزىگە. تېرىككەك جېدەل-ماجىرا قوزغاپ تۇرار، مىجەزى ئىتتىك كىشىنىڭ گۇناھلىرى كۆپ بولار. كىشىنى پەس قىلار مەغرۇرلۇق، ھۆرمەتكە ئېرشتۈرەر كەمتەرلىك. ئۆز جېنىغا دۈشمەن بولار ئوغرى بىلەن شېرىك بولغۇچى، سوتتا يالغان ئېيتسا، لەنەتكە قېلىشىنى ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ ئۇ ئېيتماس راستتىنى. بەندىدىن قورقۇش ئۆزى ئۈچۈن تۇزاق قۇرغانلىقتۇر، لېكىن پەرۋەردىگارغا ئىشەنگەن ئادەم ئامان قالۇر. ئىلتىپات ئىستەر كۆپ كىشىلەر ھۆكۈمداردىن، ئادالەت كېلەر ئادەمگە پەرۋەردىگاردىن. يىرگىنەر ھەققانىيلار ناھەقچىلىق قىلغانلاردىن، يامانلار بولسا ئادىل يولدا ماڭغانلاردىن. ماسسالىق ياقەھنىڭ ئوغلى ئاگۇرنىڭ سۆزلىرى، ئۇنىڭ ئىتىئېل بىلەن ئۇكالغا ئېيتقانلىرى: ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئەڭ نادىنى مەن ئىكەنمەن، ئادەمدە بولۇشقا تېگىشلىك ئەقىل مەندە يوق ئىكەن، دانالىقنى ئۆگىنەلمىدىم، بىردىنبىر مۇقەددەس بولغۇچى ھەققىدە يوق ئىكەن ساۋاتىم. كىم ئەرشكە چىققان ھەم ئەرشتىن چۈشكەن؟ كىم شامالنى قوللىرىدا تۇتقان؟ كىم سۇلارنى تونىغا يۆگىگەن؟ كىم يەر-زېمىننىڭ چېگرىسىنى بەلگىلىگەن؟ ئۇنىڭ ئىسمى نېمە؟ ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمىچۇ؟ بىلمەمسەن؟ خۇدانىڭ ھەربىر سۆزى ھەقىقەتتۇر، ئۆزىنى پاناھلىغانلارغا ئۇ قالقاندۇر. قوشما خۇدانىڭ سۆزلىرىگە ھېچنېمىنى، بولمىسا ئۇ ئەيىبلەر سېنى، ئاشكارىلار يالغانچىلىقىڭنى. ئى پەرۋەردىگار، تىلەيمەن ئىككى نەرسىنى سەندىن، ئايىمىغايسەن مەن ئۆلگۈچە بۇلارنى مەندىن. مەندىن يىراق قىلغايسەن ساختىلىق ۋە يالغانچىلىقنى، قىلمىغايسەن گاداي ياكى بايمۇ مېنى، ئېھتىياجىمغا لايىق بەرگەيسەن رىزقىمنى. چۈنكى باياشاتلىق ئىچىدە سەندىن تېنىپ، «پەرۋەردىگار كىممۇ؟» دەپ قالماي، ياكى يوقسۇزچىلىقتا ئوغرىلىق قىلىپ، ئى خۇدا، سېنىڭ نامىڭغا داغ كەلتۈرۈپ قويماي. قۇلنى يامانلىما خوجايىنىغا، قارغىۋېتەر قۇل سېنى، ئەيىبكار بولارسەن بولمىسا. شۇنداقلارمۇ باركى، ئۆز ئاتىسىنى قارغايدىغان، ئۆز ئانىسىغا بەخت تىلىمەيدىغان. شۇنداقلارمۇ باركى، ئۆزلىرىنى پاك چاغلايدىغان، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ مەينەتچىلىكى تازىلانمىغان. شۇنداقلارمۇ باركى، چىقىپ تۇرار تەكەببۇرلۇقى كۆزلىرىدىن، بېشى تاقىشار ئاسمانغا ھاكاۋۇرلۇقىدىن. شۇنداقلارمۇ باركى، يوقىتىش ئۈچۈن بۇ دۇنيادىن نامراتلارنى، يالماش ئۈچۈن ئىنسانلار ئارىىسىدىكى موھتاجلارنى، باردۇر ئۇلارنىڭ قىلىچتەك چىشلىرى، پىچاقتەك ئېزىق چىشلىرى، زۈلۈكنىڭ ئىككى قىزى بار، ئۇلار «بەرگىن، بەرگىن» دەپ توۋلىشار. ئۈچ نەرسە باركى، ھېچ تويمايدىغان، ياق، تۆت نەرسە بار، ئەسلا يېتەرلىك دېمەيدىغان، ئۇلاركى: گۆر، تۇغماس خوتۇن، قاغجىرىغان يەر ۋە يالماۋاتقان ئوت. چوقۇلار جىلغىدىكى قاغىلار ياكى يەۋېتەر بۈركۈتنىڭ بالىلىرى، ئاتىسىنى مەسخىرە قىلىپ، ئانىسىنى كەمسىتكۈچىنىڭ كۆزىنى. ئۈچ ئىش باركى، مەن ئۈچۈن ئىنتايىن سىرلىق بولغان، ياق، تۆت ئىش بار، ئەقلىم يەتمەيدىغان، ئۇلاركى: بۈركۈتنىڭ ئاسماندا ئۇچۇشى، يىلاننىڭ تاشتا بېغىرلىشى، كېمىنىڭ دېڭىزدا مېڭىشى. يىگىتنىڭ قىزغا ئاشىق بولۇشى. مۇنداقكى زىناخور خوتۇننىڭ تۇتقان يولى: ئوغرىلىقچە يەپ بولۇپ سۈرتەر ئۇ ئاغزىنى، دەر: «قىلمىدىم مەن ھېچقانداق يامانلىقنى». ئۈچ ئىش باركى، يەر-زېمىننى سىلكىندۈرىدىغان، ياق، تۆت ئىش بار يەر كۆتۈرەلمەيدىغان. ئۇلاركى: قۇلنىڭ پادىشاھ بولۇشى، ئەخمەقنىڭ راۋاج تېپىشى، نەپرەتكە ئۇچرىغان ئايالنىڭ ئەرگە تېگىشى، دېدەكنىڭ ئۆز خانىمىنىڭ ئورنىنى تارتىۋېلىشى. دۇنيادا كىچىك تەنلىك، تۆت خىل جانىۋار بار، بەكمۇ ئەقىللىق، ئۇلاركى: چۈمۈلە؛ گەرچە ئاجىز بولسىمۇ، بىراق يازدا ئوزۇق تەييارلىۋېلىشنى بىلەر. سۇغۇر؛ گەرچە كۈچسىز بولسىمۇ، خادا تاشلارنىڭ ئارىسىغا ئۇۋا سالار. چېكەتكە؛ گەرچە پادىشاھى بولمىسىمۇ، لېكىن قاتار سەپ تۈزۈپ ماڭار. كەسلەنچۈك؛ گەرچە ئۇنى قول بىلەن تۇتۇۋالغىلى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ خان ئوردىلىرىغىمۇ كىرىۋالار. ئۈچ ھايۋان باركى، قەدەملىرى ھەيۋەتلىك، ياق، تۆت جانىۋار بار، مېڭىشى ھەيۋەتلىك. ئۇلاركى: شىر؛ ھايۋاناتلار ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈكى، ھېچ نېمىدىن قورقماي ئارقىغا يانمايدىغان. خوراز ۋە سەركە؛ گەۋدىسىنى كۆتۈرۈپ غادىيىپ ماڭىدىغان، پادىشاھ؛ قوشۇنىنى باشلاپ ماڭىدىغان. گەر ئەخمەق بولۇپ، چوڭ تۇتساڭ ئۆزۆڭنى، يامان غەرەزدە بولغان بولساڭ ۋە ياكى، تۇت قولۇڭ بىلەن ئاغزىڭنى! چىقار سېرىق ماي قايماق قوچۇلسا، چىقار قان بىرىنىڭ بۇرنى مىجىلسا، شۇنىڭدەك چىقار غەزەپتىن جېدەل-ماجىرا. ماسسا پادىشاھى لىمۇئېلنىڭ ئېيتقانلىرى، ئانىسىنىڭ ئۇنىڭغا ئۆگەتكەنلىرى: ئەي ئوغلۇم، باغرىمنى يېرىپ چىققان ئوغلۇم، خۇدادىن تىلەپ ئالغان ئوغلۇم، نېمە دېسەم بولار مەن ساڭا؟ كۈچ-قۇۋىتىڭنى سەرپ قىلما، ئۆمرۈڭنى بىكار قىلما، پادىشاھلارنى ۋەيران قىلغۇچى خوتۇنلارغا. ئەي لىمۇئېل، لايىق ئەمەس شاراب پادىشاھلارغا، ياراشماس مەيگە بېرىلىش ھۆكۈمدارغا. چۈنكى ئۇلار شاراب ئىچىپ، ئۇنتۇپ قالار قانۇننى، بۇرمىلىۋېتەر ئېزىلگەنلەرنىڭ ھوقۇقىنى. بەرگىن شارابنى ئۆلۈم گىردابىدا تۇرغانلارغا، بەرگىن مەينى قايغۇ-ھەسرەت چەككەنلەرگە! ئۇلار شاراب ئىچىپ، ئۇنتۇسۇن ئۆزلىرىنىڭ نامراتلىقىنى، ئەسلەپ قالمىسۇن تارتقان دەردلىرىنى. ئۆزىنى ئاقلىيالمايدىغانلار ئۈچۈن سۆزلىگىن، ئاجىزلارنىڭ ھوقۇق ئۈچۈن ئاغزىڭنى ئاچقىن. سۈكۈت قىلما، ئادىل ھۆكۈم قىلغىن، يوقسۇل ۋە موھتاجلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىغىن. كىم ئالالايدۇ پەزىلەتلىك ئايالنى؟ ئارتۇقتۇر گۆھەردىنمۇ ئۇنىڭ قەدىر-قىممىتى. بۇنداق ئايالغا دىلىدىن ئىشەنچ قىلار ئېرى، كەم بولماس ئېرىنىڭ ھېچ نەرسىسى. ئېرىغا ياخشىلىق قىلار ئۇ ئۆمۈر بويى، ئۇچراتماس زىيانغا ئۇنى. ئۇ تاللاپ قوي يۇڭى ۋە كەندىر رەختنى، ئۆز قولىدا ھەۋەس بىلەن پۈتكۈزەر كىيىم-كېچەكنى. ئۇ سودا كېمىلىرى كەبى، توشار يىراقتىن ئوزۇق-تۈلۈكلەرنى. ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇ تاڭ سۈزۈلمەستە، يېمەكلىك تەييارلار ئائىلىسىدىكىلەرگە، ئىش تەقسىم قىلار دېدەكلىرىگە. ئۇ ئېتىزنى كۆرۈپ ئويلانغاندىن كېيىن سېتىۋالار، ئۆز ئەجرى بىلەن تاپقانلىرىغا ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلار. ئىشقا مەھكەم باغلاپ ئۇ بېلىنى، كۈچلەندۈرۈپ بىلەكلىرىنى. كۆرەر ئىشلىگىنىنىڭ پايدىسىنى، كېچىچە ئۆچۈرمەس چىرىغىنى. ئايلاندۇرار ئۇ قولى بىلەن ئۇرچۇقنى، ئېگىرەر بارماقلىرى بىلەن يىپنى. ئايىماس ئۇ يوقسۇللاردىن ياردىمىنى، ئۇزىتار ھاجەتمەنلەرگە ياردەم قولىنى. قار ياغسىمۇ ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن يوقتۇر ئەندىشىسى، چۈنكى قېلىن كىيىندۈرۈلگەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى. ئۆزى تىكەر ئۇ كارىۋات ياپقۇچلىرىنى، نېپىز كەندىر، ئېسىل رەختلەردىندۇر ئۇنىڭ لىباسلىرى. ئېرى شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا ئاقساقاللار بىلەن ئولتۇرۇر، ئۇ يەردە ئۇنىڭ ئابرۇيى باردۇر. ئۇ كەندىر رەختتىن تىكىپ ساتار كىيىملەرنى، سودىگەرلەرگە ئۆتكۈزەر بەلباغلارنى. كۈچ-قۇدرەت ۋە ئىززەت-ھۆرمەت ئۇنىڭ لىباسى، خۇشاللىق بىلەن كۈتۈۋالار ئۇ كېلەچەكنى. ئۇ دانالىق بىلەن سۆزلەر، مېھرىبانلارچە نەسىھەت بېرەر. ئۇ ئائىلىسىدىكى ئىشلارنى ياخشى باشقۇرار، يېتىپ يېمەس بىكار. پەرزەنتلىرى ھۆرمەتتە ئۇنى تەرىپلەر، ئېرىمۇ ئۇنى ماختاپ مۇنداق دەر: «پەزىلەتلىك ئاياللار كۆپ ئىكەن، لېكىن ھەممىسىدىن ئارتۇق تۇرارسەن، ئېشىپ چۈشىسەن». ئالدامچىدۇر جەلپكارلىق، بىر كۆپۈكتۇر ھۆسن-جامال، ماختاشقا ئېرىشەر پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغان ئايال. ئۇنىڭ مېھنىتىنىڭ مېۋىلىرىگە لايىق تەرىپلەڭلار ئۇنى، شەھەر دەرۋازىلىرىدا ماختاشقا ئېرىشتۈرسۇن ئۇنى ئۇنىڭ ئەجىرلىرى! بۇ ھېكمەتلەر داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىرى بولغان يېرۇسالېم پادىشاھىنىڭ، يەنى ھېكمەت ئىگىسىنىڭ دۇردانە سۆزلىرىدۇر. «بىھۇدىدۇر، بىھۇدىدۇر، ھەممىسى بىھۇدىدۇر» دەيدۇ ھېكمەت ئىگىسى. ئىنسان قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا قىلغان جاپالىق ئىشلىرىدىن ئۆزىگە نېمە پايدا تاپار؟ ئەۋلاد كېلەر، ئەۋلاد كېتەر، پەقەت بۇ دۇنيالا قالار. قۇياش چىقىپ يەنە پاتار، چىققان ماكانىغا يەنە قايتىشقا ئالدىرار. شىمالدىن چىققان شامال جەنۇبقا كېتەر، ئۇ يەنە جەنۇبتىن شىمالغا كېتەر، تەكرار-تەكرار ئايلىنىپ، ئۇ شۇ تەرىقىدە دەۋر قىلار. دەريالار ئاقار دېڭىزغا، لېكىن دېڭىز توشماس ئەسلا. دەريالار ئايلىنىپ ئاخىر قايتار ئۆز ماكانىغا. ھەممە ئىش ئىنساننى چارچىتار، بۇنى تەسۋىرلەشكە سۆزلەر ئاجىزلىق قىلار. ئىنساننىڭ كۆزلىرى كۆرگەنگە تويماس، قۇلاقلىرى ئاڭلىغانغا قانائەت قىلماس. قايتىلىنار بۇرۇنقى ئىشلار، قايتا قىلىنار قىلىنىپ بولغان ئىشلار. شۇڭا يوقتۇر قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا يېڭىلىقلار. ئىنسان قانداق بىر نەرسىنى «قاراڭلار، بۇ يېڭىلىققۇ» دەپ ئېيتالار؟ ئەمەلىيەتتە، ھەممىسى ئەزەلدىنلا مەۋجۇت بولغان ئىشلار، يەنى بىزدىن بۇرۇن مەۋجۇت بولغان نەرسىلەردۇر. ھېچكىم ئەسلىمەس ئۆتمۈشنى، كەلگۈسىدىمۇ كېيىنكىلەر ھېچنېمىنى ئەسلىمەس. ھېكمەت ئىگىسى مەن، يېرۇسالېمدا ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى ئىدىم. ئاسماننىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان پۈتكۈل ئىشلارنى دانالىق بىلەن كۆزىتىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەكشۈردۈم. خۇلاسىلىسەم، خۇدا ئىنسانغا شۇ قەدەر ئېغىر جاپالىق ئىشلارنى يۈكلىگەنىكەن. ئىنساننىڭ قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا قىلغان بارلىق ئىشلىرىنىڭ بىھۇدە ئىكەنلىكىنى، خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدە ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. «ئەگرىنى تۈزلىگىلى بولماس، يوق نەرسىنى سانىغىلى بولماس.» كۆڭلۈمدە ئۆزۈمگە شۇنداق دېدىم: «مەن دانالىقتا يېرۇسالېمنىڭ مەندىن بۇرۇن ئۆتكەن ھەرقانداق بىر ھۆكۈمرانىدىن ئېشىپ كەتتىم. دانالىق ۋە ئىلىمدە ناھايىتى كۆپ تەجرىبىگە ئېرىشتىم.» مەن يەنە كۆڭۈل قويۇپ، دانالىقنى چۈشىنىشكە تىرىشتىم. نادان ۋە ئەخمەقلىقنى چۈشىنىشكە تىرىشتىم. ئاخىرى شۇنى بىلدىمكى، بۇمۇ خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىك ئىكەن. ئادەم قانچە دانا بولسا، شۇنچە كۆپ بولار ئىكەن ھەسرىتى، بىلىمى قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە كۆپ بولار ئىكەن قايغۇسى. كۆڭلۈمدە ئۆزۈمگە: «خۇشاللىقنى سىناپ باقاي، ئۇنىڭ پايدىسى بارمۇ-يوق، بىلىپ باقايچۇ!» دېدىم. بىلدىمكى، بۇمۇ بىھۇدىلىك ئىكەن. كۈلۈش پەقەت تەلۋىلىك ئىكەن، ئۇنداق بولسا، خۇشاللىقنىڭ نېمە پايدىسى بار؟ چوڭقۇر ئويلانغاندىن كېيىن ئۆزۈمنى شاراب بىلەن خۇش قىلىپ باقماقچى بولدۇم، ئۆزۈمنى نادان تۇتماقچى بولساممۇ، لېكىن قەلبىم مېنى يەنىلا دانالىققا باشلىدى. ئاسماننىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا، ئىنسان قىسقا ھاياتىدا نېمە ئىشلارنى قىلسا پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولدۇم. مەن بۈيۈك ئىشلارنى قىلدىم. ئۆزۈمگە ئۆيلەرنى سالدۇردىم، ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلدىم. مەن باغلارنى ياساپ، ئۇلارنىڭ ئىچىگە ھەر خىل مېۋىلىك دەرەخلەرنى تىكتىم. سۇ كۆلچەكلىرىنى قازدۇرۇپ، بېغىمدىكى دەل-دەرەخلەرنى سۇغاردىم. قۇل-دېدەكلەرنى سېتىۋالدىم، ئۆيۈمدىمۇ قۇللىرىمدىن تۇغۇلغان قۇل-دېدەكلىرىم كۆپ ئىدى. ناھايىتى نۇرغۇن قوي-كالىلىرىم بار بولدى. يېرۇسالېمنىڭ ئىلگىرىكى پادىشاھلىرىدىمۇ بۇنچىلىك كۆپ مال-دۇنيا بولۇپ باقمىغانىدى. ھەددى-ھېسابسىز ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى توپلىدىم، پادىشاھ ۋە بەگلىكلەردىن بايلىقلارغا ئىگە بولدۇم. يېنىمغا ئەر-ئايال ناخشىچىلارنى يىغدىم، يەنە، خۇشاللىقىم ئۈچۈن نۇرغۇن توقاللارنى ئالدىم. بۈيۈكلۈكتە يېرۇسالېمدا مەندىن بۇرۇن ياشىغان پادىشاھلارنىڭ ھەممىسىدىن ئېشىپ كەتتىم. مەن ھەر دائىم دانالىق بىلەن ئىش قىلدىم. كۆزۈم چۈشكەن، كۆڭلۈم خالىغان ھەرقانداق نەرسىگە چەك قويمىدىم. كۆڭلۈم بۇ قىلغانلىرىمدىن خۇشاللىق تاپتى، بۇ مېنىڭ جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق ئېرىشكەنلىرىمنىڭ مۇكاپاتى بولدى. ئەمما، كېيىن بىلسەم، ئۆز قولۇم بىلەن ئىشلەپ تارتقان بارلىق جاپالىرىم بىھۇدە ئىكەن، خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىك ئىكەن. قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا ئادەم ھېچقانداق پايدا تاپالمايدىكەن. مەن يەنە دانالىق، نادانلىق ۋە ئەخمەقلىق ھەققىدە ئويلاندىم. كېيىنكى پادىشاھلار، بۇرۇنقىلار قىلغان ئىشلارنى تەكرارلاشتىن باشقا يەنە نېمە ئىشلارنى قىلالىشى مۇمكىن؟ خۇددى يورۇقلۇق قاراڭغۇلۇقتىن ياخشى بولغىنىدەك، دانالىق نادانلىقتىن ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدىم. دانا ئادەمنىڭ كۆزلىرى روشەن بولار، نادان ئادەم قاراڭغۇلۇقتا ماڭار. ئەمما ئۇلارنىڭ قىسمىتى ئوخشاش بولۇپ، ھەممە ئادەم بۇ دۇنيادىن كېتىدۇ. كۆڭلۈمدە يەنە شۇنداق دېدىم: «نادان ئادەمنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن، مېنىڭ بېشىمغىمۇ كېلىدىكەن، ئۇنداقتا يەنە دانا بولۇشنىڭ نېمە پايدىسى بار؟» كۆڭلۈمدە يەنە: «بۇ بىھۇدىلىكتۇر» دېدىم. چۈنكى، نادان ئادەملەر ئۇنتۇلۇپ كەتكىنىگە ئوخشاش، دانا ئادەملەرمۇ ئوخشاشلا ئۇنتۇلۇپ كېتىلىدۇ، كەلگۈسىدىمۇ ھەممىسى بىردەك ئۇنتۇلۇپ كېتىلىدۇ. ئەپسۇسكى، دانا ئادەملەرمۇ نادان ئادەملەردەك ئۆلۈپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ھاياتتىن نەپرەتلەندىم، چۈنكى قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا يۈز بەرگەن ھەربىر ئىشلار ماڭا قايغۇلۇق بىلىندى. بارلىق ئىشلار خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىك ئىكەن. قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا جاپا تارتىپ تاپقان بارلىق نەرسىلىرىمدىن نەپرەتلەندىم. چۈنكى، مەن بۇلارنى كېيىنكىلەرگە قالدۇرۇشۇم كېرەك. لېكىن ئۇلارنىڭ دانا ياكى نادان بولۇشىنى كىم بىلىدۇ؟ ئۇلار، قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا مېنىڭ دانالىقىم ۋە جاپا-مۇشەققەتلىرىم ئارقىلىق ئېرىشكەن نەرسىلىرىمگە ئىگە بولىدۇ. بۇمۇ بىھۇدىلىك ئىكەن. قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا ئىشلەپ تارتقان جاپالىرىمغا يۈرىكىم ئېچىشىپ، ئۈمىدسىزلەندىم. چۈنكى، ئادەملەر دانالىقى، بىلىمى ۋە قابىلىيىتىنى ئىشقا سېلىپ، جاپا-مۇشەققەت بىلەن ئېرىشكەن ئەمگەك مېۋىلىرىنى، بۇ نەرسىلەرگە مېھنەت سىڭدۈرمىگەن كېيىنكىلەرگە قالدۇرۇشى كېرەك. بۇ ھەقىقەتەن بىھۇدىلىك ۋە بەختسىزلىكتۇر. ئادەملەرنىڭ قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا ئىشلەپ تارتقان جاپالىرى ۋە ئەندىشىلىرى ئۆزلىرىگە نېمە پايدا كەلتۈرەر؟ ئۇلارنىڭ ئىشلەپ جاپا تارتىشلىرى، ھەتتا كېچىلەرنىمۇ خاتىرجەمسىزلىك ئىچىدە ئۆتكۈزۈشى ھەقىقەتەن بىھۇدىلىكتۇر. ئادەم ئۈچۈن يەپ-ئىچىش ۋە جاپالىق ئىشلەپ ئېرىشكەن نەتىجىلىرىدىن راھەتلىنىشتىن ئارتۇق خۇشاللىق يوقتۇر. بىلدىمكى، بۇمۇ خۇدانىڭ قولى بىلەن بولىدىكەن. خۇدا بەرمىسە، كىممۇ يەپ-ئىچەلەيدۇ؟ كىممۇ راھەتلىنىشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ؟ خۇدا دانالىقنى، بىلىم ۋە خۇشاللىقنى ئۆزىنى خۇشال قىلغان ئادىمىگە ئاتا قىلىدۇ. لېكىن گۇناھكارلارغا مال-دۇنيا توپلايدىغان جاپالىق ئىش بېرىپ، ئۇلارنىڭ توپلىغان مال-دۇنيالىرىنى، خۇدا ئۆزىنى خۇشال قىلغانلارغا ئېلىپ بېرىدۇ. گۇناھكارلارنىڭ بۇ ئىشى خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىكتۇر. ئاسماننىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا ھەممە ئىشنىڭ ۋاقتى بار، ھەممە نەرسىنىڭ ۋاقتى-سائىتى بار: تۇغۇلۇشنىڭ ۋە ئۆلۈشنىڭ ۋاقتى بار، تېرىشنىڭ ۋە يۇلۇۋېتىشنىڭمۇ ۋاقتى بار. ئۆلتۈرۈشنىڭ ۋە ساقايتىشنىڭ ۋاقتى بار، بۇزۇشنىڭ ۋە ياساشنىڭمۇ ۋاقتى بار. يىغلاشنىڭ ۋە كۈلۈشنىڭ ۋاقتى بار، ھازا تۇتۇشنىڭ ۋە ئۇسسۇل ئويناشنىڭ ۋاقتى بار. تاش ئېتىشنىڭ ۋە تاش يىغىشنىڭ ۋاقتى بار، باغرىغا بېسىشنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنىڭمۇ ۋاقتى بار. ئىزدەشنىڭ ۋە ۋاز كېچىشنىڭ ۋاقتى بار، ساقلاشنىڭ ۋە تاشلاشنىڭمۇ ۋاقتى بار. يىرتىشنىڭ ۋە تىكىشنىڭ ۋاقتى بار، سۈكۈت قىلىشنىڭ ۋە سۆزلەشنىڭمۇ ۋاقتى بار. مۇھەببەتنىڭ ۋە نەپرەتنىڭ ۋاقتى بار، ئۇرۇشنىڭ ۋە تىنچلىقنىڭمۇ ۋاقتى بار. ئىنسان جاپالىق ئىشلەپ نېمە پايدا تاپار؟ ئىنسانلارنىڭ قىلىشى ئۈچۈن خۇدانىڭ بەرگەن ئىشلىرىنى كۆردۈم. خۇدا ھەممە ئىشنى ئۆز ۋاقتى-سائىتى بويىچە توپتوغرا ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇ مەڭگۈلۈك ئاڭنى ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىگە سالغان بولسىمۇ، ئىنسان خۇدانىڭ باشتىن-ئاخىرغىچە قىلغان ئىشلىرىنى ھېچقاچان چۈشەنمەيدۇ. ئىنسان ئۈچۈن بەختلىك ھايات كەچۈرۈشتىن، ئۆز بەختىدىن ھۇزۇرلىنىشتىن ئارتۇق خۇشاللىقنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم. ئادەملەر يەپ-ئىچىشى، جاپالىق ئىشلەپ ئېرىشكەن مېۋىلىرىدىن راھەتلىنىشى كېرەك، بۇ خۇدانىڭ ئىلتىپاتىدۇر. مەن شۇنى بىلدىمكى، خۇدا قىلغان ھەرقانداق بىر ئىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، ھېچكىم ئۇنى ئازايتىپ ياكى كۆپەيتەلمەيدۇ. خۇدا بۇ ئىشلارنى، ئادەملەر مەندىن ئەيمەنسۇن، دەپ قىلغاندۇر. ھازىر بولغان ئىشلار، بۇرۇن ھەم بولغان. كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارمۇ، بۇرۇن بولغان ئىشلاردۇر. خۇدا بۇرۇن بولغان ئىشلارنى شۇ تەرىقىدە دەۋر قىلىپ داۋاملاشتۇرىدۇ. مەن يەنە قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا، مەيلى سوت ئۈستىدە بولسۇن ياكى ئادالەت ھۆكۈم سۈرگەن جايدا بولسۇن، رەزىللىكنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆردۈم. مەن كۆڭلۈمدە شۇنداق دېدىم: «خۇدا ھەققانىي ئادەم ۋە رەزىل ئادەملەر ئۈستىدىن ئۆزى ھۆكۈم چىقىرىدۇ، چۈنكى ھەرقانداق بىر ئىش، ھەرقانداق ھەرىكەتنىڭ ۋاقتى-سائىتىنى ئۆزى بەلگىلىگەندۇر.» كۆڭلۈمدە يەنە ئىنسان توغرۇلۇق شۇنداق دېدىم: «خۇدا ئادەم بىلەن ھايۋانلارنىڭ ئوخشايدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن.» چۈنكى، ئادەم بىلەن ھايۋاننىڭ دۇچ كېلىدىغان قىسمىتى ئوخشاش. مەيلى ئۇ بولسۇن، مەيلى بۇ بولسۇن، ھەر ئىككىلىسى ئوخشاشلا ئۆلىدۇ، ئوخشاشلا نەپەسكە تايىنىپ ياشايدۇ. ئادەم ھايۋاندىن ئۈستۈن ئەمەس. ھايات ھەقىقەتەن بىھۇدىلىكتۇر. ھەر ئىككىلىسىنىڭ قايتىدىغان جايى ئوخشاش، ھەممىسى تۇپراقتىن ئاپىرىدە بولغان، يەنە تۇپراققا قايتىدۇ. ئادەمنىڭ روھىنىڭ ئاسمانغا چىقىپ، ھايۋاننىڭ روھىنىڭ يەرگە كىرىپ كېتىدىغانلىقىنى كىم بىلىدۇ؟ شۇنى ئېنىق بىلدىمكى، ئىنسان ئۈچۈن ئۆز مېھنىتىدىن خۇشاللىق تېپىشتىن باشقا ياخشىراق نەرسە يوق ئىكەن، چۈنكى بۇ ئىنساننىڭ نېسىۋىسىدۇر. ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن، نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى كىممۇ ئۇنىڭغا ئېيتىپ بېرەلىسۇن؟ مەن يەنە، قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇملارنى، ئېزىلگۈچىلەرنىڭ كۆز ياشلىرىنى كۆردۈم. لېكىن ھېچكىم ئۇلارغا تەسەللى بېرەلمەيدىكەن، ئەزگۈچىلەر قۇدرەتلىك بولغاچقا، ھېچكىم ئېزىلگۈچىلەرگە تەسەللى بېرەلمەيدىكەن. مەن ئۆلۈپ كەتكەن ئادەملەرنى ياشاۋاتقانلاردىن كۆپ بەختلىك ئىكەن، دەپ ئويلىدىم. ئەمما بۇ ئادەملەرگە سېلىشتۇرغاندا، تېخى تۇغۇلمىغانلار تېخىمۇ بەختلىكتۇر، چۈنكى ئۇلار قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادىكى رەزىللىكلەرنى كۆرمەيدۇ. مەن يەنە شۇنى كۆردۈمكى، ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەسەتخورلۇق ئۇلارنىڭ جاپالىق ئىشلىشىگە ۋە ماھارەت يېتىلدۈرۈشىگە تۇرتكە بولۇپتۇ. بۇمۇ خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىك ئىكەن. «نادان ھۇرۇنلۇقىدىن ئۆزىنى خاراب قىلىدۇ.» «بىراق ئارامخۇدا تاپقان بىر قولدىكى ئاز نەرسە، شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ، جاپالىق ئىشلەپ تاپقان ئىككى قولدىكى جىق نەرسىدىن ئەۋزەلدۇر.» مەن قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا يەنە بىر بىھۇدە ئىشنى كۆردۈم. ھېچبىر يۆلەنچۈكى يوق كىشىلەر بار، ئۇلارنىڭ يا بالىسى، يا قېرىندىشى يوق. لېكىن ئۇلار ئۆمۈر بويى جاپالىق ئىشلەيدۇ، كۆزى بايلىققا تويمايدۇ. ئۇلار ئۆزىدىن: «مەن كىم ئۈچۈن ئىشلەۋاتىمەن، نېمە ئۈچۈن شۇنچىلىك خۇشاللىقلاردىن ۋاز كېچىمەن؟» دەپ سورىمايدۇ. بۇمۇ بىر بىھۇدىلىكتۇر، قايغۇلۇق ئىشتۇر. ئىككى ئادەم ھامىنى بىر ئادەمدىن ياخشىدۇر، چۈنكى ئىككى ئادەمنىڭ جاپا تارتىپ ئىشلىشىنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئەگەر بىرى يىقىلسا، ئۇنى ھەمراھى يۆلەپ تۇرغۇزىدۇ. لېكىن بىر ئادەم يىقىلىپ، ئۇنى تۇرغۇزىدىغان ئادەم بولمىسا، ئۇ تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالدا قالىدۇ. ئىككى ئادەم بىرگە ئۇخلىسا، ئىسسىق ياتىدۇ، يالغۇز ئۇخلىسا، ئۇ قانداقمۇ ئىسسىق ياتسۇن؟ بىر ئادەم ئۆزى يالغۇز بولسا، ئۇ دۈشمىنىگە بوزەك بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئىككى ئادەم بىرگە بولسا، دۈشمىنىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرالايدۇ. ئۈچ ئۆرۈمدىن ئۆرۈلگەن ئارغامچىنى ئۈزمەك قىيىندۇر. نادان، مەسلىھەتكە قۇلاق سالمايدىغان قېرى پادىشاھتىن، نامرات، لېكىن دانا يىگىت ياخشىدۇر. بەلكىم ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى نامرات، زىندانغا تاشلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە پادىشاھلىق تەختىگە چىقىدىغان بىرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. مانا، قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان ئادەملەرنىڭ ئۇ يىگىتكە ئەگەشكەنلىكىنى كۆردۈم. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگەشكەن بولسىمۇ، لېكىن كېيىن كەلگەن كىشىلەردىن ھېچكىم ئۇنىڭ قىلغىنىدىن رازى بولمىدى. بۇمۇ بىھۇدىلىكتۇر، خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىكتۇر. سەن خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىرگىنىڭدە قەدىمىڭنى ئويلاپ باس، دىققەت بىلەن ئاڭلا. بۇنداق قىلىش نادانلارنىڭ ئويلانماي قىلغان قۇربانلىقىدىن ياخشىدۇر. چۈنكى نادان ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ رەزىللىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. خۇدانىڭ ئالدىدا يېنىكلىك قىلما، ئالدىراپ ۋەدە بەرمە. چۈنكى خۇدا ئاسماندا، سەن يەردە. شۇڭا سۆزۈڭنىڭ ئاز بولغىنى ياخشى. ئادەمدە تەشۋىش كۆپ بولسا، يامان چۈشنىمۇ كۆپ بولىدۇ. سۆز كۆپ بولسا، نادانلىقى ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ. خۇداغا بەرگەن ۋەدەڭگە كېچىكتۈرمەي ئەمەل قىل. چۈنكى، خۇدا نادان ئادەملەردىن خۇرسەن بولمايدۇ، شۇڭا ۋەدەڭدە تۇر. ۋەدە قىلىپ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغاندىن كۆرە، ۋەدە قىلمىغان ياخشىدۇر. ئاغزىڭدىن گۇناھقا قالما، خۇدانىڭ روھانىيلىرىغا ئورۇنسىز ۋەدە بەرمە. نېمىشقا خۇدانىڭ غەزىپىنى قوزغايسەن، نېمىشقا ئۆز قوللىرىڭ بىلەن قىلغان ئىشلىرىڭنى يوققا چىقارغۇزۇۋېتىسەن؟! كۆپ خام خىيال قىلىش، كۆپ سۆزلەش بىھۇدىلىكتۇر، ئۇنىڭ ئورنىغا خۇدادىن ئەيمىنىشىڭ ياخشىراقتۇر. ئەگەر سەن بىر جايدا نامراتلارنىڭ بوزەك قىلىنىۋاتقانلىقىنى، ھەقىقەت ۋە ئادالەتنىڭ ئۇلاردىن تارتىۋېلىنغانلىقىنى كۆرسەڭ، ھەيران قالما، چۈنكى ھەربىر ئەمەلدار ئۈستىدە ئۇنى قوغدايدىغان ئۇنىڭدىن چوڭ ئەمەلدار، بۇ ئەمەلدارنىڭ ئۈستىدە يەنە ئۇلاردىنمۇ چوڭ قوغدىغۇچى ئەمەلدار بولىدۇ. ھەممە ئادەم ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىدۇ، ھەتتا پادىشاھمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. پۇلنى ياخشى كۆرىدىغانلار ھېچقاچان پۇل بىلەنلا قانائەت قىلمايدۇ، بايلىقنى ياخشى كۆرىدىغانلارمۇ ھېچقاچان شۇنچە بايلىقىدىن رازى بولمايدۇ، بۇ بىھۇدىلىكتۇر. بايلىق كۆپەيسە ئۇنى ئىشلىتىدىغانلارمۇ كۆپىيىدۇ. بۇ بايلىقنىڭ ئىگىسىگە ھېچقانداق پايدىسى يوق، پەقەتلا كۆرۈنۈشتە باي كۆرۈنىدۇ. مېھنەتكەش مەيلى كۆپ يېسۇن ياكى ئاز يېسۇن بەرىبىر خاتىرجەم ئۇخلايدۇ. باي بولسا، بايلىقىدىن ئەنسىرەپ خاتىرجەم ئۇخلىيالمايدۇ. مەن قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا كۆرگەن ئەڭ ئازابلىق ئىشلارنىڭ بىرى، بەزىلەرنىڭ توپلىغان بايلىقلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىتىشىدۇر. ئۇلارنىڭ تىجارىتىنىڭ ساغلام بولماسلىقى تۈپەيلىدىن، توپلىغان بايلىقلىرى يوقىلىپ، ئاخىردا بالىلىرىغا مىراس قالدۇرغۇدەك ھېچنېمىسى قالمايدۇ. ئۇلار ئانىدىن قانداق تۇغۇلغان بولسا، يەنە شۇنداق كېتىدۇ. بىر ئۆمۈر جاپالىق ئىشلەپ تاپقان بايلىقلىرىنىڭ بىر تىللاسىنىمۇ بىللە ئېلىپ كېتەلمەيدۇ. ئىنساننىڭ بۇ دۇنياغا قانداق كەلگەن بولسا شۇنداق كېتىشى ئادەمنى ھەقىقەتەن ئازابلايدىغان بىر ئىشتۇر. شۇنداق ئىكەن، ئۇلارنىڭ بىھۇدە ئەجىر قىلىشىنىڭ نېمە پايدىسى بار؟ ئۇلار پۈتۈن ئۆمرىنى قاراڭغۇلۇق، چوڭقۇر قايغۇ-ئەلەم، ئازاب ۋە نەپرەت ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ. مەن شۇنى چۈشەندىمكى، ئىنسانلار ئۈچۈن ئەڭ كۆڭۈللۈك ۋە ئەڭ ياخشى ئىش، قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادىكى خۇدا بەرگەن چەكلىك ھاياتىدا، يەپ-ئىچىش ۋە جاپالىق ئىشلەپ ئېرىشكەن نەتىجىلىرىدىن راھەتلىنىشتىن ئىكەن. چۈنكى بۇ ئىنساننىڭ نېسىۋىسىدۇر. خۇدا بىر ئادەمگە بايلىق ۋە مۈلۈك بېرىپ، يەنە ئۇنىڭغا شۇ نەرسىلەردىن ھۇزۇرلىنىشقا ئىمكانىيەت بەرسە، شۇنداقلا ئۇ ئادەم ئۆزى جاپالىق ئىشلەپ ئېرىشكەن نەتىجىلىرىدىن مەمنۇن بولۇپ، خۇشاللىققا چۆمسە، مانا بۇ خۇدانىڭ ئۇنىڭغا كۆرسەتكەن ئىلتىپاتىدۇر. بۇنداق ئادەم ھاياتنىڭ قىسقىلىقىنى ئويلىمايدۇ، چۈنكى خۇدا ئۇنىڭ قەلبىنى شادلىققا تولدۇرغاندۇر. مەن قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا ئىنسانلارنى بېسىپ تۇرىدىغان قاتتىق ئازابلىق بىر ئىشنى كۆردۈم. خۇدا بەزى ئادەملەرنى بايلىق، مال-مۈلۈك ۋە شەرەپلەرگە مۇيەسسەر قىلىدۇ، ئۇلار كۆڭلى خالىغان نەرسىلەرگە ئېرىشەلىسىمۇ، لېكىن خۇدا ئۇلارغا بۇ نەرسىلەردىن بەھرىلىنىش ئىمكانى بەرمەيدۇ، بۇ نەرسىلەردىن ياتلار بەھرىلىنىدۇ. مانا بۇ بىھۇدىلىكتۇر، بۇ ئازابلىق بىر ئىشتۇر. بىر باي ئادەم يۈز پەرزەنتلىك بولۇشى ھەمدە ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشى مۇمكىن، لېكىن ئۇ ھاياتتىن قانائەت ھاسىل قىلالمىسا ياكى بۇ دۇنيادىن كەتكەندە ھۆرمىتى بىلەن كۆمۈلمىسە، مېنىڭچە بۇنداق ئادەمدىن ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن چۈشۈپ كەتكەن ھامىلە ياخشىراقتۇر. چۈنكى، ھامىلە بۇ دۇنياغا بىھۇدە كېلىپ، كۆز ئاچماي تۇرۇپلا جىمجىت كېتىدۇ، قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ نامىنى يوشۇرۇپ قالىدۇ. ئىنساننىڭ جاپالىق ئىشلىشى قورساق ئۈچۈندۇر، لېكىن ئىنسان مەڭگۈ قانائەتلەنمەيدۇ. دانا ئادەمنىڭ نادان ئادەمگە قارىغاندا قانداق ئارتۇقچىلىقى بار؟ نامرات ئادەم بۇ دۇنيادا توغرا ياشاشنى بىلسىمۇ ئۇنىڭغا بۇنىڭ نېمە پايدىسى بار؟ ئۆزۈڭدە بار نەرسىلەرگە رازى بولۇش، يوق نەرسىلەرگە ئىنتىلىشتىن ياخشىدۇر. بۇنداق ئىنتىلىش خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىكتۇر. دۇنيادىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ تەقدىرى ئالدىن بەلگىلەنگەندۇر. ئىنساننىڭ تەقدىرىمۇ شۇنداق. ھېچقانداق ئادەم خۇدا بىلەن قارشىلىشالمايدۇ. سۆز قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە بىھۇدە بولىدۇ، بۇنىڭ ئادەم ئۈچۈن نېمە پايدىسى بار؟ ئىنساننىڭ ھاياتى خۇددى بىر كۆلەڭگىگە ئوخشايدۇ. كىممۇ قىسقا، بىھۇدە ھاياتىنى قانداق قىلغاندا ياخشى ئۆتكۈزگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلەلەيدۇ؟ ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن، قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى كىم ئېيتىپ بېرەلەيدۇ؟ گۈزەل نام-ئاتاق خۇشبۇي مەلھەمدىن ياخشىدۇر، ئۆلۈم كۈنى تۇغۇلغان كۈندىن ياخشىدۇر. بەزمە بولۇۋاتقان ئۆيگە بېرىشتىن ماتەم بولۇۋاتقان ئۆيگە بېرىش ياخشىدۇر. چۈنكى ئۆلۈم ھەممە ئادەمنىڭ تەقدىرىدە باردۇر. ھاياتلار بۇنى ھەرگىز ئۇنتۇماسلىقى كېرەك. قايغۇرۇش ئەخمىقانە كۈلكىدىن ياخشىدۇر، چۈنكى قايغۇ ئادەمنىڭ قەلبىنى تاۋلايدۇ. دانا ئادەملەر ئۆلۈم توغرىسىدا ئويلايدۇ، نادان ئادەملەر بولسا ھەر ۋاقىت شادلىقنى ئويلايدۇ. دانالارنىڭ ئەيىبلىشىنى ئاڭلاش، نادانلارنىڭ ماختىشىنى ئاڭلاشتىن ياخشىدۇر. نادانلارنىڭ كۈلكىسى خۇددى ئوچاقتا قاراسلاپ كۆيۈۋاتقان تىكەنگە ئوخشايدۇ، كۆيۈۋاتقان تىكەن ئاۋاز چىقىرىدۇ، خالاس، بۇمۇ بىھۇدىلىكتۇر. قاقتى-سوقتى قىلىش دانالارنى نادان قىلىدۇ، پارا ئېلىش ئادەمنىڭ قەلبىنى بۇزىدۇ. بىر ئىشنىڭ ئاخىرلىشىشى، بىر ئىشنىڭ باشلىنىشىدىن ياخشى. سەۋرچان بولۇش، مەغرۇرلۇقتىن ياخشى. ئاسان ئاچچىقلانما، چۈنكى ئاچچىقلىنىش ئەخمەقنىڭ قەلبىدە ماكان قۇرىدۇ. «نېمە ئۈچۈن بۇرۇنقى كۈنلىرىمىز ھازىرقىدىن ياخشى؟» دەپ سورىما، بۇنداق سوئال سوراش دانالىق ئەمەستۇر. دانالىق مىراستەك ياخشى نەرسىدۇر. چۈنكى ئۇ قۇياشنى كۆرۈۋاتقان بارلىق ئادەملەرگە مەنپەئەت كەلتۈرىدۇ. دانالىق ئادەمنى خۇددى پۇل قوغدىغاندەك قوغدايدۇ. دانالىقنىڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى، ئۇ سەندە بولسا سېنىڭ ھاياتىڭنى ساقلايدۇ. خۇدانىڭ قىلغانلىرىنى ئويلا، ئۇ ئەگرى قىلغاننى كىم تۈزلىيەلەيدۇ؟ ئىشلىرىڭ راۋان ۋاقتىدا خۇشال بولغىن، لېكىن قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، خۇشاللىق ۋە قىيىنچىلىقنىڭمۇ خۇدادىن كېلىدىغانلىقىنى ئۇنتۇما. كەلگۈسىدە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلەلمەيدۇ. بۇ بىھۇدە ھاياتتا نۇرغۇن ئىشلارنى كۆردۈم. ياخشى ئىش قىلىدىغان ئادەملەر ھەققانىي بولسىمۇ بالدۇر ئۆلۈپ كېتىدىكەن، ئۇنىڭ ئەكسىچە يامان ئادەملەر يامان ئىش قىلسىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىكەن. بەك ھەققانىي ۋە دانا بولۇپ كەتمە، ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ ۋەيران قىلىشىڭنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى؟ يامانلىق قىلىشقا بېرىلىپ كەتمە، نادانلىقمۇ قىلما، ئەجىلىڭدىن بۇرۇن ئۆلۈشۈڭنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى؟ بۇ نەسىھەتلەرنىڭ بىرىگە ئەمەل قىلىپ، يەنە بىرىگە سەل قارىما، چۈنكى خۇدادىن ئەيمىنىدىغانلار ھەر ئىككىلىسىگە ئەمەل قىلىدۇ. دانالىق ئادەمنى شەھەردىكى ئون ئەمەلداردىنمۇ كۈچلۈك قىلىدۇ. بۇ دۇنيادا پەقەت ياخشى ئىشنىلا قىلىپ، بىرەر قېتىممۇ يامان ئىش قىلىپ باقمىغان بىرمۇ ئادەم يوق. باشقىلارنىڭ سۆزىنى كۆڭلۈڭگە ئالما، بەلكىم مالايلارنىڭمۇ تىل-ئاھانىتىگە قېلىشىڭ مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە سېنىڭمۇ باشقىلارغا كۆپ قېتىم تىل-ئاھانەت قىلغىنىڭ كۆڭلۈڭگە ئاياندۇر. مەن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى دانالىق بىلەن كۆزەتتىم. مەن ئۆزۈمگە: «مەن دانا بولاي!» دېدىم، لېكىن مەقسىتىمگە يېتەلمىدىم. دۇنيادا يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ مەنىسى ناھايىتى چوڭقۇر بولۇپ، ئۇلارنى بىز چۈشىنەلمەيمىز، كىممۇ ھەممە ئىشلارنىڭ تېگىگە يېتەلىگەن؟ مەن چۈشىنىشكە پۈتۈن زېھنىمنى بېرىپ، دانالىقنى ئىزدەپ تاپماقچى ۋە بارلىق ئىشلارنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەكچى بولدۇم. مەن يەنە رەزىللىكنىڭ شۇنچىلىك نادانلىق، ئەخمەقلىقنىڭ شۇنچىلىك تەلۋىلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشكە تىرىشتىم. مەن شۇنى بايقىدىمكى، ئادەمنى مەھلىيا قىلىدىغان ئايال ئۆلۈمدىن قورقۇنچلۇق ئىكەن. ئۇنىڭ ئىشىق-مۇھەببىتى قىلتاق ۋە تۇزاق، قوللىرى بولسا زەنجىردۇر. خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغانلار ئۇنداق ئايالدىن يىراق تۇرىدۇ، پەقەت گۇناھكار ئادەملەرلا ئاشۇنداق ئايالنىڭ تۇزىقىغا چۈشىدۇ. ھېكمەت ئىگىسى شۇنداق دەيدۇكى: «مەن يۈز بەرگەن ئىشلارنى قايتا-قايتا مۇلاھىزە قىلىپ كۆرگەندىن كېيىن مۇنداق خۇلاسىگە كەلدىم. مەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئىزدەنگەن بولساممۇ، ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشىنى تاپالمىدىم. بۇنىڭغا مىڭ ئەركەكنىڭ ئىچىدىن بىرى جاۋاب بېرەلىدى، ئەمما مىڭ ئايالنىڭ ئىچىدىن بىرسىمۇ جاۋاب بېرەلمىدى. مېنىڭ بىردىنبىر بايقىغىنىم شۇ بولدىكى، ئەسلىدە خۇدا ئادەمنى دۇرۇس قىلىپ ياراتقان بولسىمۇ، ئەمما ئادەملەر ھەر خىل رەزىل يوللارنى ئىزدەپ يۈرىدىكەن.» كىم دانا ئادەمگە ئوخشايدۇ؟ كىم ئىشلارنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بېرەلەيدۇ؟ دانالىق ئادەمنىڭ چېھرىنى نۇرلاندۇرۇپ، بىزەڭ چىراينى ئىللىق چىراي قىلىدۇ. پادىشاھنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈر، چۈنكى سەن خۇدانىڭ ئالدىدا قەسەم ئىچكەن. مەسئۇلىيىتىڭدىن قاچما ھەم يامان ئىشلارغا ئارىلىشىپ قالما، چۈنكى پادىشاھ ئۆزى خالىغان ئىشنى قىلالايدۇ. پادىشاھنىڭ سۆزى قانۇندۇر. كىممۇ ئۇنىڭدىن: «نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟» دەپ سورىيالايدۇ؟ پادىشاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنغانلار جازالانمايدۇ. دانا ئادەم ھەرقانداق ئىشنىڭ پەيتى ۋە ئۇسۇلىنى بىلىدۇ. گەرچە ئادەملەر ئىش قىلغاندا خىلمۇخىل قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلسىمۇ، لېكىن ھەرقانداق ئىشنىڭ پەيتى ۋە ئۇسۇلى بولىدۇ. ھېچكىم كەلگۈسىنى بىلمەيدۇ، نېمە ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى ھېچكىم ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ. شامالنى بويسۇندۇرغىلى بولمىغاندەك، ئۆلۈمنىمۇ بويسۇندۇرغىلى بولمايدۇ. لەشكەرلەر ئۇرۇشتىن قېچىپ قۇتۇلالمىغاندەك، رەزىللەر رەزىللىكتىن قۇتۇلالمايدۇ. مەن قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلارنى كۆردۈم ھەم بۇ ئىشلار ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلاندىم. بەزىدە بىر ئادەم باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىپ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىدىكەن. مەن يەنە رەزىل ئادەملەرنىڭ ھايات ۋاقتىدا مۇقەددەس جايغا كىرىپ-چىقىۋاتقانلىقىنى، يەنە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى رەزىل ئىش قىلغان شۇ شەھەردە ماختاشقا سازاۋەر بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۆلگەندىن كېيىن ھۆرمەت بىلەن يەرگە كۆمۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. بۇمۇ بىر بىھۇدىلىكتۇر. جىنايەتچىلەر دەرھال جازاغا تارتىلمىسا، كىشىلەر جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە يۈرەكلىك بولۇپ كېتىدۇ. گۇناھكار ئادەم گەرچە يۈز قېتىم گۇناھ ئۆتكۈزسىمۇ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ، لېكىن مەن شۇنى چۈشەندىمكى، خۇدادىن ئەيمىنىدىغانلار چوقۇم بەخت تاپىدۇ. رەزىل ئادەملەرنىڭ بەختىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھاياتى خۇددى سايىدەك قىسقا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بەختسىزلىكى دەل ئۇلارنىڭ خۇدادىن قورقمىغانلىقىدىن بولغاندۇر. دۇنيادا مۇنداق بىر بىھۇدىلىكمۇ بار، ھەققانىي ئادەملەر رەزىل ئادەملەر تارتىشقا تېگىشلىك جازاغا تارتىلىدۇ، رەزىل ئادەملەر بولسا خۇددى ھەققانىي ئادەملەردەك مۇكاپاتلىنىدۇ. مەن شۇنداق ئويلايمەنكى، بۇمۇ بىر بىھۇدىلىكتۇر. شۇڭا مەن ئىنسانلارغا، بۇ دۇنيادا يەپ-ئىچىپ، ھاياتتىن ھۇزۇر ئېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا خۇدا ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان ھاياتىدا ئۇلار جاپالىق ئىشلىسىمۇ، خۇشاللىق ئۇلار بىلەن بىللە بولىدۇ. مەن كۆڭۈل قويۇپ، دانالىقنى بىلىشكە ۋە بۇ دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى ھەتتا كېچىلىرىمۇ ئۇخلىماي قىلىۋاتقان بارلىق ئىشلىرىنى چۈشىنىشكە تىرىشتىم. مەن خۇدا قىلغان بارلىق ئىشلارنى ئويلىدىم. قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا ھېچكىم خۇدانىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ھەقىقىي بىلمەيدىكەن. ئىنسانىيەت ئۇنى چۈشىنىشكە ئۇرۇنسىمۇ، لېكىن ھېچكىم چۈشىنەلمەيدىكەن. ھەتتا دانا بىر ئادەم «مەن بىلدىم!» دېسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇمۇ ھەقىقىي بىلمەيدىكەن. مەن دۇنيادا بولۇۋاتقان ئىشلارنى كۆڭۈل قويۇپ، ئەستايىدىل كۆزەتتىم. ھەققانىي ۋە دانا ئادەملەرنىڭ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ خۇدانىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىنى بىلدىم. لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ ياخشى كۆرۈلىدىغان ياكى كۆرۈلمەيدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، چۈنكى بۇ كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلار. مەيلى ھەققانىي ئادەم ياكى رەزىل ئادەم، مەيلى ياخشى ئادەم ياكى يامان ئادەم، مەيلى پاك ئادەم ياكى ناپاك ئادەم، مەيلى قۇربانلىق قىلىدىغان ئادەم ياكى قۇربانلىق قىلمايدىغان ئادەم، مەيلى ياخشى ئادەم ياكى گۇناھكار ئادەم بولسۇن، قەسەمخور ياكى قەسەم ئىچىشتىن قورقىدىغان ئادەم بولسۇن، ھەممىسىنىڭ تەقدىرى ئوخشاش بولۇپ، ئۆلۈمگە يۈزلىنىدۇ. قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ئىچىدە ئادەمنى ئازابلايدىغان بىر ئىش شۇكى، ھەممە ئادەمنىڭ تەقدىرىنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا ئوخشاش بولۇشىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىنسانلار ھايات ۋاقتىدا ھاياتى رەزىللىككە، قەلبلىرى ئەخمەقلىقكە تولغان بولىدۇ، ئاندىن بۇ ئالەمدىن كېتىدۇ. ھايات بولسىلا ئۈمىد بولىدۇ، تىرىك ئىت ھامان ئۆلۈك شىردىن ياخشىدۇر. ھاياتلار ئۆزىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئۆلۈپ كەتكەنلەر ھېچنېمىنى بىلمەيدۇ، ئۇلارغا يەنە ئىنئام يوقتۇر. ئۇلار پۈتۈنلەي ئۇنتۇلۇپ كېتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ مۇھەببەت، نەپرەت ۋە ھەسەتلىرىمۇ ئاللىبۇرۇن يوقالغان. قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا يۈز بەرگەن ئىشلاردا مەڭگۈ ئۇلارنىڭ نېسىۋىسى بولمايدۇ. بېرىڭلار! خۇشال-خۇرام تامىقىڭلارنى يەپ، شادلىق بىلەن شارابىڭلارنى ئىچىڭلار! چۈنكى بۇلار خۇدانىڭ سىلەرگە بەرگەن ئىنئامىدۇر. پاكىز، چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىڭلار، چاچلىرىڭلاردىن خۇشبۇي ماي ئايرىلمىسۇن. سەن بۇ بىھۇدە ھاياتىڭنى، يەنى خۇدا ساڭا ئاتا قىلغان قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادىكى كۈنلىرىڭنى ئۆزۈڭنىڭ ياخشى كۆرگەن ئايالىڭ بىلەن بىرگە خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزگىن. چۈنكى بۇ سېنىڭ بۇ دۇنيادا جاپالىق ئىشلىگىنىڭنىڭ بەدىلىگە بېرىلگەن نېسىۋىدۇر. قىلالايدىغان ئىشلىرىڭنى ئامال بار تىرىشىپ قىلغىن، چۈنكى سەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن باقىي دۇنيادا قىلىدىغان ئىش، پىلان، بىلىم ۋە دانالىقمۇ يوق. مەن يەنە، قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا مۇسابىقىدە تېز يۈگۈرسىلا مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى، جەڭدە باتۇر بولسىلا غەلىبە قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، دانا بولسىلا يېمەكلىككە ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى، چېچەن بولسىلا باي بولغىلى بولمايدىغانلىقىنى، بىلىملىك بولسىلا قەدىرلىك بولمايدىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە پۇرسەت ۋە شارائىتمۇ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى چۈشەندىم. ھېچكىم ئەجەلنىڭ قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. خۇددى تورغا كىرىپ قالغان بېلىقتەك، تۇزاققا چۈشۈپ قالغان قۇشتەك، ئىنسانمۇ تۇيۇقسىز كەلگەن بالا-قازادىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. مەن قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا يەنە ئەقىل-پاراسەتنىڭ نەمۇنىسىنى كۆردۈم. ئۇ مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى: ئاھالىسى ئانچە كۆپ بولمىغان بىر كىچىك شەھەر بولغانىكەن. كۈچلۈك بىر پادىشاھ بۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى قورشاۋغا ئاپتۇ ۋە شەھەرگە بېسىپ كىرىش ئۈچۈن سېپىلغا توپا دۆۋىلەپتۇ. ئەمما بۇ شەھەردە نامرات، لېكىن دانا بىر ئادەم بولغانىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ دانالىقى بىلەن شەھەرنى قۇتقۇزۇپ قاپتۇ. كېيىن كىشىلەر ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىپتۇ. شۇڭا مەن: «ئەقىل-پاراسەت قارا كۈچتىن غالىب» دەپ قارايمەن. لېكىن نامرات ئادەمنىڭ پاراسىتى كەمسىتىلىدۇ، ھېچكىم ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالمايدۇ. دانا ئادەمنىڭ سەمىمىي سۆزلىرىنى ئاڭلا، نادان ھۆكۈمدارنىڭ ۋارقىراشلىرىغا قۇلاق سالما. دانالىق قورال-ياراغدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. لېكىن بىر گۇناھكار ئادەم كۆپ ياخشى ئىشلارنى بۇزۇشى مۇمكىن. بىر ئۆلۈك چىۋىن خۇش پۇراقلىق مەلھەمنى سېسىتىۋەتكەندەك، قىلغان كىچىككىنە ھاماقەتلىكمۇ ئادەمنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە شان-شەرىپىگە داغ چۈشۈرىدۇ. دانا ئادەمنىڭ يۈرىكى توغرا ئىشلارنى قىلىشقا، نادان ئادەمنىڭ يۈرىكى يامان ئىشلارنى قىلىشقا باشلايدۇ. نادان ئادەم يول يۈرگەندىمۇ، ئەقىلسىزلىقىنى ئاشكارىلايدۇ، ئۆزىنىڭ دۆتلۈكىنى ھەممە ئادەمگە كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بىر ئەمەلدار ساڭا ئاچچىقلانغان بولسا، بۇنىڭلىق بىلەن ئىش ئورنۇڭنى تاشلىما، چۈنكى تەمكىنلىك ئادەمنى چوڭ خاتالىقتىن قۇتقۇزۇپ قالىدۇ. مەن يەنە، قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا ھۆكۈمدارنىڭ خاتالىقىدىن كېلىپ چىققان ئازابلىق بىر ئىشنى كۆردۈم. ئۇ بولسىمۇ، نادانلارنىڭ يۇقىرى ئورۇنلارغا چىقىرىلىشى، دانا بايلارنىڭ بولسا پەس ئورۇنلارغا چۈشۈپ قېلىشىدۇر. مەن قۇللارنىڭ شاھزادىلەردەك ئات مىنگەنلىكىنى، شاھزادىلەرنىڭ قۇللاردەك پىيادە ماڭغانلىقىنى كۆردۈم. كىم ئورا كولىسا ئورىغا ئۆزى چۈشىدۇ، كىم تامنى يىقىتسا ئۇنى يىلان چاقىدۇ. تاش چاققۇچى تاشتىن يارىلىنىدۇ، ئوتۇن كەسكۈچى ئوتۇندىن. گاللاشقان پالتاڭنى بىلىمىسەڭ، تېخىمۇ كۆپ كۈچۈڭ كېتىدۇ، دانالىق ئادەمنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. يىلان ئويناتقۇچىنى يىلان ئوينىتىشتىن ئىلگىرى يىلان چېقىۋالسا، ئۇنداقتا يىلان ئويناتقۇچىنىڭ ماھارىتىنىڭ ئەھمىيىتى قالمايدۇ. دانالارنىڭ تىلى ئۆزلىرىنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىدۇ، نادانلارنىڭ تىلى ئۆزىنى نابۇت قىلىدۇ. نادانلارنىڭ سۆزى نادانلىق بىلەن باشلىنىپ، رەزىللىك ۋە تەلۋىلىك بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. نادانلار ۋالاقلاپ توختىمايدۇ. ھېچكىم كەلگۈسىدىكى ئىشلارنى بىلمەيدۇ، ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ھېچكىم دەپ بېرەلمەيدۇ. نادان ئادەمنىڭ جاپالىق ئىشلىرى ئۇنى بەك چارچىتىۋېتىدۇكى، ھەتتا ئۇ شەھەرگە بارىدىغان يولنىمۇ تاپالمايدۇ. بىر دۆلەتنىڭ پادىشاھى ياش ۋە بىلىمسىز بولۇپ، ۋەزىر-ۋۇزرالىرى بەزمىكەش بولسا، دۆلەت زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ. دۆلەتنىڭ پادىشاھى دانا، ئېسىلزادە بولۇپ، ۋەزىرلىرى كەيپ ئۈچۈن ئەمەس، قۇۋۋەت ئۈچۈن ئۆز ۋاقتىدا غىزالىنىدىغان بولسا، دۆلەت گۈللەپ ياشنايدۇ. ئۆگزەڭنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى ھۇرۇنلۇقۇڭدىن، ئۆگزەڭدىن يامغۇرنىڭ ئۆتۈشى بىكار تەلەپلىكىڭدىندۇر. زىياپەت خۇشاللىق ئۈچۈندۇر، شارابمۇ خۇشاللىق ئۈچۈندۇر، پۇل بولسا ھەممە ئىش يۈرۈشۈپ كېتىدۇ. پادىشاھنى ھەتتا خىيالىڭدىمۇ تىللىما، باينى ھۇجراڭدىمۇ تىللىما، چۈنكى قۇشلار سېنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىڭنى يەتكۈزۈپ قويۇشى، ئۇچار-قاناتلىقلار سېنىڭ سۆزلىرىڭنى دەپ قويۇشى مۇمكىن. مەبلىغىڭنى تاشقا سودىغا سال، ھامىنى بىر كۈنى پايدىغا ئېرىشىسەن. ئوخشىمىغان يەرلەرگە مەبلەغ سال، چۈنكى بۇ دۇنيادا بېشىڭغا قانداق بالا-قازالارنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيسەن. بۇلۇتلار تويۇنسا يامغۇر ياغىدۇ. دەرەخ مەيلى قايسى تەرەپكە يىقىلسۇن، ئۇ بەرىبىر يىقىلغان يېرىدە ياتىدۇ. ھاۋا رايىغا قارىساڭ، يەرگە مەڭگۈ ئۇرۇق چاچالمايسەن. بۇلۇتلارغا قارىساڭ، مەڭگۈ ھوسۇل يىغالمايسەن. شامالنىڭ يۆنىلىشىنى، ئانىنىڭ قورسىقىدا ھامىلىنىڭ قانداق شەكىللىنىشىنى بىلگىلى بولمىغاندەك، ياراتقۇچى خۇدانىڭ ئىشلىرىنى بىلگىلى بولماس. ئۇرۇقلىرىڭنى سەھەر تۇرۇپ چاچقىن، كەچتىمۇ چاچقىن، چۈنكى سەن قايسى ئۇرۇقنىڭ ياخشى ئۆسىدىغانلىقىنى بىلمەيسەن. بەلكىم ئۇ، ياكى بۇ ياخشى ئۆسۈشى ۋە ياكى ھەر ئىككىلىسى ياخشى ئۆسۈشى مۇمكىن. يورۇقلۇق ھۇزۇرلۇقتۇر، ئادەم قۇياشنى كۆرۈپ، كۆڭلى خۇش بولىدۇ. ئادەم مەيلى قانچىلىك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرسۇن، ھاياتىنى خۇشاللىقتا ئۆتكۈزۈشى كېرەك. لېكىن شۇنى بىلگىنكى، گۆردىكى قاراڭغۇ كۈنلەر تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ. كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان بارلىق ئىشلار بىھۇدىدۇر. ئەي ياش، ياشلىقىڭنى خۇشال ئۆتكۈز! ياشلىقىڭنىڭ ھەربىر مىنۇتىدىن ھۇزۇرلان! كۆڭلۈڭ تارتقان، ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەن ئىشلارنى قىل. لېكىن ئېسىڭدە بولسۇنكى، خۇدا قىلغان ھەربىر ئىشىڭلىرىغا ھۆكۈم چىقىرىدۇ. قەلبىڭدىكى ئەندىشىلەر ۋە تېنىڭدىكى ئاغرىقلارنى ئويلىما، چۈنكى ياشلىق ۋە ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچى بىھۇدىدۇر. ياش ۋاقتىڭدىن باشلاپ ياراتقۇچىڭنى ئېسىڭدە تۇت، «كۈنلىرىمدە خۇشاللىق يوق» دەپ ئاھ ئۇرىدىغان قېرى، ئاجىز چاغلىرىڭنىڭ كېلىشىنى كۈتمە. ئۇ چاغدا كۆزلىرىڭگە قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلار خىرەلىشىپ، ئاسمىنىڭنى قارا بۇلۇتلار قاپلىغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئائىلىنى بېقىۋاتقان قول، پۇتلىرىڭ تىترەيدۇ، قاۋۇل تېنىڭ ئېگىلىپ، دوك بولۇپ قالىدۇ. چىشلىرىڭ چۈشۈپ چاينىيالمايدىغان، كۆزلىرىڭ ئاجىزلاپ، ئېنىق كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. قۇلىقىڭ ئېغىرلىشىپ، يارغۇنچاقنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالمايدۇ، قىزلارنىڭ بارلىق ناخشا ئاۋازلىرى يېقىملىق ئاڭلانمايدۇ، لېكىن قۇشقاچنىڭ سايرىشلىرى سېنى ئويغىتىدۇ. ئۇ چاغدا ئېگىزدىن قورقىسەن، يول ماڭساڭ ئالاقزادە بولىسەن، چاچلىرىڭ بادام چېچىكىدەك ئاقىرىدۇ، كۈچۈڭ خوراپ، ھەۋەسلىرىڭ يوقىلىدۇ. ئۇ چاغدا مەڭگۈلۈك ماكانىڭغا قايتىسەن، ھازا تۇتقانلار كوچىدا ئارقاڭدىن كېلىدۇ. كۈمۈش زەنجىر ئۈزۈلىدۇ، ئالتۇن قاچا يېرىلىدۇ، كوزا بۇلاق بېشىدا چېقىلىدۇ، قۇدۇقتىن سۇ ئالىدىغان چىغرىق ئۈزۈلىدۇ. ئۇ چاغدا تەن تۇپراققا، روھ ھاياتلىق بەرگەن خۇداغا قايتىدۇ. «بىھۇدىدۇر، ھەممىسى بىھۇدىدۇر» دەيدۇ ھېكمەت ئىگىسى. ھېكمەت ئىگىسى دانا بولۇپلا قالماستىن، يەنە بىلىملىرىنى خەلققە ئۆگەتكۈچىدۇر. ئۇ ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق نۇرغۇن پەند-نەسىھەتلەرنى يېزىپ چىققان. ھېكمەت ئىگىسى ئادەمنى خۇرسەن قىلىدىغان سۆزلەر ئارقىلىق ھەقىقەتنى توغرا كۆرسىتىپ بەرگەن. دانالارنىڭ سۆزلىرى خۇددى پادىچىلارنىڭ قولىدىكى تاياققا ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ توپلانغان ھېكمەتلىرى خۇددى تاياققا چىڭ قېقىلغان مىخلارغا ئوخشايدۇ. بۇ ھېكمەتلەرنى پادىچىسى بەرگەندۇر. ئەي ئوغلۇم، بۇ ھېكمەتلەردىن باشقا، يەنە بىر نەسىھەتىمگە قۇلاق سالغىن، كىتاب يېزىشنىڭ چېكى يوق. كىتابنى كۆپ ئوقۇپ كەتسەڭ، تېنىڭگە ھاردۇق يېتىدۇ. ھەممىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، مەن مۇنداق خۇلاسىغا كەلدىم: خۇدادىن ئەيمىنىڭلار، ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، مانا بۇلار ئىنسان ھاياتىغا ھەقىقىي مەنە بېرىدۇ. ئادەمنىڭ قىلغان بارلىق ئىشلىرىغا، مەيلى ياخشى، ياكى يامان ئىشلىرى بولسۇن، ھەتتاكى يوشۇرۇن قىلغان ئىشلىرى بولسۇن، ھەممە ئىشلىرىغا خۇدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ. بۇ نەزمە سۇلايمانغا مەنسۇپتۇر، دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل نەزمىدۇر. ئوتلۇق لەۋلىرىڭدە سۆيگىن سەن مېنى، شارابتىن شېرىن بىلىمەن مۇھەببىتىڭنى. ئەتىرىڭدىن چېچىلار خۇش پۇراقلار، شۆھرىتىڭ پۇراقلىق مايدەك تارقىلار، شۇڭا سېنى سۆيىدۇ قىزلار. يۈر، قاچايلى، ئېلىپ كەت مېنى، ئېھ پادىشاھىم، ئېلىپ كىرگىن ھۇجراڭغا مېنى. ئى پادىشاھىمىز، شادلىنىمىز خۇشال بولۇپ سېنىڭدىن، سۆيگۈڭنى تەرىپلەيمىز ئارتۇق شارابتىن. ئەجەبلىنەرلىك ئەمەستۇر قىزلارنىڭ سېنى سۆيۈشى، ھەقلىقتۇر ئۇلارنىڭ ساڭا ئاشىق بولۇشى. ئەي يېرۇسالېم قىزلىرى، گۈزەلدۈرمەن قارا بولساممۇ، قېدار خەلقىنىڭ چېدىرلىرىدەك قارا بولساممۇ، چىرايلىقمەن سۇلايماننىڭ پەردىلىرىدەك. ھەيران بولماڭلار ئۆڭۈمگە قاراپ، قارىلىقىمدىن قارىمايسىلەر بەلكىم ماڭا، چۈنكى تېرىلىرىم كۆيگەندۇر ئاپتاپتا. ئاچچىقلىنىپ ماڭا ئاكىلىرىم، ئىشلەتتى مېنى ئۈزۈمزارلىقتا، پۇرسەت بەرمەي قاراشقا ئۆز بېغىمغا. ئەي سۆيۈملۈكۈم، ئېيتقىنە ماڭا، قويلىرىڭنى ئوتلىتىسەن قەيەردە؟ قەيەردە دەم ئالدۇرىسەن چىڭقى چۈش مەزگىلىدە؟ ئېيتمىساڭ، ئىزدەيمەن سېنى ئۇياتسىز ئاياللاردەك چۈمپەردە تارتىپ يۈزۈمگە. دوستلىرىڭنىڭ پادىلىرى ئوتلىغان يەرلەردە. ئەي گۈزەللەرنىڭ گۈزىلى، ئەجەبا، بىلمەمسەن ئۇ يەرنى؟ ئۇنداقتا پادامنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ، پادىچىلار چېدىرىنىڭ يېنىدا باققايسەن ئۆچكىلىرىڭنى. ئېھ ئامرىقىم، ئوخشايسەن پىرئەۋننىڭ جەڭ ئاتلىرى ئارىسىدىكى بايتالغا. نەقەدەر گۈزەل ھالقىلىرىڭ جۇلاسىدىكى مەڭزىلىرىڭ، نەقەدەر چىرايلىق ئۈنچە-مارجان ئاسقان بويۇنلىرىڭ. مەن ساڭا كۈمۈشتىن كۆزلەر قويۇلغان، ئالتۇندىن زىبۇ-زىننەت ياساپ بېرىمەن. پادىشاھىم يانپاشلاپ ياتقىنىدا، خۇشبۇي ئەتىرلىرىم ھىدىنى چاچاتتى ئەتراپىدا. سۆيۈملۈكۈم مۇرمەككىدەك گويا، قونۇپ قالار كۆكسۈلىرىم ئارىسىدا. قەدىرلىكىم خېنە گۈلىدۇر گويا، ئېچىلغان ئېنگەدى ئۈزۈمزارلىقىدا. ئېھ ئامرىقىم، چىرايلىقسەن نەقەدەر، گۈزەلدۇر كۆزۈڭ كەپتەر كەبى شۇ قەدەر. ئېھ جانانىم، سەن نەقەدەر قامەتلىك، سەن نەقەدەر سۆيۈملۈك، سېلىنچىمىزدۇر يېشىل چىمەنلىك. كېدىردىن ياسالغاندۇر ئۆگزىمىزنىڭ لىملىرى، ئارچىدۇر ئۇنىڭغا يېپىلغان ۋاسىلىرى. مەن گويا بىر ياۋا گۈلمەن ئېچىلغان دالادا، ئاددىيغىنە بىر چېچەكمەن ئۆسكەن گويا جىلغىدا. تۇرار مېنىڭ ئامرىقىم قىزلار ئارا، چېچەكلىگەن قىزىلگۈلدەك تىكەن ئارا. تۇرار مېنىڭ ئاشىقىم يىگىتلەر ئارىسىدا، خۇددى ئۆسكەن ئالما دەرىخىدەك ئورمان ئارا. شېرىن تېتىيدۇ ئۇنىڭ مېۋىسى ماڭا، دىلىم يايرايدۇ ئولتۇرسام سايىسىدا. ئۇ باشلاپ مېنى مېھمانخانىسىغا، لەپىلدەتتى سۆيگۈ تۇغىنى بېشىمدا. كىشمىش بىلەن قۇۋۋەت بەر ماڭا، ئالما بىلەن روھلاندۇر مېنى، چۈنكى بىتاب بولدۇم ئىشقى ئوتۇڭدا. بېشىم ئاستىدا ئۇنىڭ سول قولى، ئوڭ قولىدا قۇچاقلار مېنى. ئېھ يېرۇسالېم قىزلىرى، ئۆتۈنەي سىلەردىن ئويغاتماڭلار دالىدىكى ماراللار ۋە جەرەنلەرنى، ۋاقتى كەلمىگۈچە ئويغاتماڭلار مۇھەببەتنى. ئاڭلاۋاتىمەن ئاشىقىمنىڭ ئاۋازىنى! قارا، ئۇ كېلىۋاتىدۇ ئېشىپ تاغلاردىن، ئويناپ ئۆتۈپ ئېدىرلاردىن. ئاشىقىم خۇددى جەرەن، كېيىكتەك، ئۆيۈمنىڭ ئەتراپىدا يۈرۈيدۇ. ئۇ دېرىزىلەردىن قارايدۇ، روجەكلەردىن مارايدۇ. «تۇر ئورنۇڭدىن ئامرىقىم، يۈر كەينىمدىن گۈزىلىم» دەيدۇ ماڭا ئاشىقىم، «مانا، قىش ئۆتتى، يامغۇر پەسلىمۇ كەتتى. دالالار گۈل-چېچەككە پۈركەندى، ناخشىلار جاراڭلايدىغان پەيت كەلدى، قۇشلار ۋىچىرلىشىپ سايراشماقتا. ئەنجۈرلەر پىشماقتا شاخلىرىدا، تال ئۈزۈملەر چېچەكلەپ، پۇراق چاچماقتا. تۇر ئورنۇڭدىن ئامرىقىم، يۈر كەينىمدىن گۈزىلىم.» يوشۇرۇنۇۋالدىڭ كەپتىرىم قىيادىكى دالدىغا، مۆكۈۋالدىڭ قۇرام تاشنىڭ يېرىقلىرىغا. كۆرسەتكىنە جامالىڭنى، ئاڭلاي سېنىڭ ئاۋازىڭنى، چۈنكى شېرىن ئاۋازلىرىڭ، يېقىملىقتۇر چېھرىلىرىڭ. تۇتۇۋالغىن چىلبۆرىلەرنى، باغنى بۇزىدىغان چىلبۆرىلەرنى، چۈنكى، چېچەكلىدى ئۈزۈملىرىمىز. ئاشىقىم مەنسۇپتۇر ماڭا، مەنمۇ ئۇنىڭغا، ئۇ ھۇزۇرلىنار قىزىلگۈللەر ئارىسىدا. تۈن كېتىپ، تاڭ ئاتقۇچە، ئېھ ئاشىقىم كېتىۋالغىن! خۇددى جەرەن، بۇغىدەك تېزلىك بىلەن سەكرەپ ئېگىز تاغلاردىن ئۆتۈۋالغىن. ئورنۇمدا يېتىپ، كېچىچە ئىنتىزار بولدۇم ئاشىقىمغا، لېكىن ئۇ كەلمىدى ئۆيۈمگە. ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئايلىناي شەھەرنى، ئارىلاپ ھەممە كوچا، مەيداننى، ئىزدەي ئەمدى ئاشىقىمنى. شۇنچە ئىزدىدىم، لېكىن تاپالمىدىم زادىلا ئۇنى. جېسەكچىلەر مېنى كۆرۈپ توختىدى، سورىدىم مەن ئۇلاردىن: _ كۆردۈڭلارمۇ ئاشىقىمنى؟ ئۇلاردىن ئايرىلىپلا تاپتىم ئاشىقىمنى. قويۇپ بەرمىدىم قۇچاقلاپ ئۇنى، تاكى ئەكىرمىگۈچە ئانامنىڭ ئۆيىگە _ ماڭا ھامىلىدار بولغۇچىنىڭ خانىسىگە. ئېھ يېرۇسالېم قىزلىرى، ئۆتۈنەي سىلەردىن، ئويغاتماڭلار دالىدىكى ماراللار ۋە جەرەنلەرنى، ۋاقتى كەلمىگۈچە ئويغاتماڭلار مۇھەببەتنى. كىم ئۇ چۆل تەرەپتىن كېلىۋاتقان چاڭ توزۇتۇپ، مۇرمەككى ۋە مەستىكىنىڭ ھىدىنى پۇرىتىپ، ئىپار-ئەنبەر كاراۋىنىنىڭ خۇش ھىدىنى تارقىتىپ؟ قاراڭلار، ئۇ سۇلايماننىڭ تەختىراۋانىدۇر، ئۇنى قوغداپ كېلىۋاتقان ئاتمىش پالۋان ئىسرائىللارنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر باتۇرلىرىدۇر. ئۇلارنىڭ ھەممىسى يانلىرىغا قىلىچ ئاسقان، قىلىچ بىلەن جەڭ قىلىشقا ماھىرلاردۇر. كېچىدىكى تاسادىپىي تەھدىتلەرگە ئۆتكۈر قىلىچى بىلەن تەيياردۇر. سۇلايمان ياساتقان بۇ تەختىراۋان، لىۋاننىڭ كېدىرىدىن ياسىلىپتۇ. ئۇنىڭ خادىلىرى كۈمۈشتىن، يۆلەنچۈكى ئالتۇندىن ياسىلىپتۇ. سۆسۈن رەختتىن سېلىنچا سېلىنىپ، ئىچى يېرۇسالېم قىزلىرى تەرىپىدىن مۇھەببەت بىلەن بېزىلىپتۇ. ئى يېرۇسالېم قىزلىرى، چىقىپ قاراپ بېقىڭلار سۇلايمان پادىشاھقا! تۇرىدۇ ئۇ، تويى بولغان، كۆڭلى شادلانغان، ئانىسى ئۇنىڭغا تاجنى كىيدۈرگەن كۈنىدىكى قىياپەتتە. ئېھ گۈزەل سۆيۈملۈكۈم، گۈزەلدۈرسەن نېمانچە! كەپتەر كەبى گۈزەل كۆزلۈكۈم، كۆردۈم سېنىڭ كۆزلىرىڭنى چۈمبىلىڭنىڭ كەينىدە. گىلاد تېغىدىن ئويناقلاپ چۈشۈۋاتقان ئۆچكىلەردەك، دولقۇنلايدۇ قارا، بوستان چاچلىرىڭ شۇنچە. چىشلىرىڭ بىر توپ قويدۇر يېڭى قىرقىپ، يۇيۇلغان، كەم-كۈتسىز جۈپ-جۈپ بولۇپ، قاتىرىغا تىزىلغان. نەقەدەر گۈزەل سېنىڭ ئېغىزلىرىڭ، لەۋلىرىڭ گويا قىپقىزىل يىپەك رەختتەك. چۈمبىلىڭدە يوشۇرغان مەڭزىلىرىڭ قىزارغاندۇر خۇددى ئانارنىڭ دانىسىدەك. بوينۇڭ ئوخشار داۋۇتنىڭ مۇنارىغا، نامايان قىلغاندۇر ئۇ شەرىپىڭنى. سانسىز قالقان ئېسىلغاندۇر ئۇنىڭغا، باتۇرلارنىڭ قورالىدۇر ھەممىسى. ئىككى كۆكسۈڭ ئوخشار ئىككى كېيىك بالىسىغا، ئوتلاپ يۈرگەن ياۋا گۈللەر ئارىسىدا. تۈن كېتىپ، تاڭ ئاتقۇچە، چىقىپ تۇراي مۇرمەككى تېغىغا، مەستەكى پۇرىقىغا تولغان دۆڭلەرگە. ئى ئامرىقىم، گۈزەلدۇرسەن نەقەدەر، سەندە يوقتۇر ھېچبىر نۇقسان، قۇسۇر. ئى مەھبۇبەم، بىللە كېتەيلى لىۋاندىن، مەن بىلەن بىللە كەتكىن بۇ يەردىن، ئاماناھ، سىنىر، خەرمون چوققىلىرىدىن، شىر ۋە يىلپىزلارنىڭ ئوۋىلىرىدىن. يۈرىكىمنى ئەسىر قىلدىڭ قېرىندىشىم، لەپ قىلىپ ماڭا بىر قارىشىڭدا. مەپتۇن قىلدىڭ كۆڭلۈمنى مەھبۇبەم، بوينۇڭدىكى مارجىنىڭنىڭ دانىسىدا. ئى قېرىندىشىم، نەقەدەر شېرىن مۇھەببىتىڭ، ئى مەھبۇبەم، شارابتىنمۇ شېرىندۇر شۇنچە. ھېچبىر خۇشبۇي پۇرىماس سەن ئىشلەتكەن ئەتىرچە. لەۋلىرىڭ بالدۇر جېنىم، گويا ھەرە كۆنىكىدەك، خۇددى تىلىڭنىڭ ئاستىغا قايماق، ھەسەل يوشۇرغاندەك. ئېگىنلىرىڭ پۇراقلىقتۇر خۇددى لىۋاننىڭ خۇش پۇرىقىدەك، پېچەتلەنگەن بىر باغدۇرسەن قېرىندىشىم، ئېتىك قۇدۇق، يېپىقلىق بۇلاقتۇرسەن مېنىڭ جېنىم. بېھىشتەك بىر باغدۇرسەن ئانىرى بولغان، ئېسىل مېۋە، خېنە، سۇمبۇل، زەپەر، كولامۇس، قوۋزاقدارچىن، ھەر خىل ئىسرىق دەرەخلەر، مۇرمەككى، مۇئەتتەرلەر ۋە ئەڭ ئېسىل دورا-دەرمەكلەرگە لىق تولغان. باغدىكى بۇلاقتۇرسەن سۇلىرى ساپ، ئاقىسەن لىۋان تاغلىرىدىن شارقىراپ. ئويغان، ئەي شىمال شامىلى، سەنمۇ كەل، ئەي جەنۇب شامىلى، ئۇچۇپ ئۆتسەڭ ئەگەر ئۈستۈمدىن، چېچىلار باغچامدىن خۇش پۇراق. ئاشىقىم كېلىپ ئۆز بېغىغا، يېسۇن ئېسىل مېۋىلىرىنى باغلاپ ئىشتىياق. كىردىم ئۆز بېغىمغا، ئى مەھبۇبەم _ جېنىم سىڭلىم، يىغاي ئەمدى مۇرمەككى، تېتىتقۇلىرىمنى، ھەرە كۆنىكى بىلەن يەي ھەسىلىمنى، ئىچەي شاراب ۋە سۈتلىرىمنى. ئەي ئاشىقلار، يەڭلار تويغۇچە، مۇھەببەتتىن ئىچىڭلار، قانغۇچە. ئۇيقۇدا ئىدىم، لېكىن ئويغاق ئىدى كۆڭلۈم، ئاڭلىدىم سۆيۈملۈكۈمنىڭ ئاۋازىنى، مانا، ئۇ قاقتى ئىشىكنى! ئىشىكنى ئاچ سىڭلىم _ ئامرىقىم، ئېھ مېنىڭ غۇبارسىز كەپتىرىم. شەبنەم چۈشۈپ بېشىمغا، كېچىدە ھۆل بولدى چېچىم. سېلىۋەتكەنىدىم ئېگىنلىرىمنى، كىيەي يەنە قانداقمۇ ئۇنى؟ يۇيغانىدىم پۇتلىرىمنى، بۇلغاي يەنە قانداقمۇ ئۇنى؟ ئاشىقىم ئىشىكنىڭ تۆشۈكىدىن تىقتى قولىنى، ئۆرتىدى بىر ئوت يۈرەك-باغرىمنى. ئىشىكنى ئاچماق بولدۇم ئاشىقىمغا. تامدى مۇرمەككى قوللىرىمدىن، ئىشىكنىڭ تۇتقۇچىنى تۇتقىنىمدا. ئىشىكنى ئاچتىم سۆيۈملۈكۈمگە، بىراق ئۇ يوق ئىدى ئىشىك تۈۋىدە، روھسىزلاندىم ئۇ كەتكەچكە. ئىزدىدىم ئۇنى، بىراق تاپالمىدىم، چاقىردىم، بىراق جاۋاب ئالالمىدىم. شەھەردىكى جېسەكچىلەر كۆرۈپ مېنى، ئۇرۇپ يارىلاندۇردى تېنىمنى، ئۇلار ئېلىپ قاچتى رومىلىمنى. ئەي يېرۇسالېم قىزلىرى، ئۆتۈنەي سىلەردىن، ئاشىقىمنى كۆرسەڭلار ئېيتىپ قويۇڭلار، مېنى ئۇنىڭ ئىشقى ئوتىدا كاۋاپ دەڭلار. ئېيتقىنا ئەي، گۈزەللەرنىڭ گۈزىلى، سەن بىزگە شەرت قويغۇدەك، ئاشىقىڭ باشقىلاردىن ئارتۇقمىكىن، ئۇنىڭ باشقىلاردىن ئارتۇق تەرىپى بارمىكىن؟ ئاشىقىمنىڭ ئىككى مەڭزى قىزىل، چاقناپ تۇرار، تۈمەنمىڭلار ئارىسىدا خۇددى تۇغدەك سەرخىل تۇرار. ساپ ئالتۇندەك نۇرغا تولغان باشلىرى، قاپقارادۇر قۇزغۇن كەبى ئۇنىڭ بۈدۈر چاچلىرى. خۇددى بۇلاق بويىدىكى كەپتەردەك، سۈتكە چىلانغان گۆھەردەك چاقنار ئۇنىڭ كۆزلىرى. خۇشبۇي گىياھ تېرىلغان گۈلزار كەبى مەڭزىلىرى، قىزىلگۈلگە ئوخشار مۇرمەككى سۈرۈلگەن لەۋلىرى. كەھرىۋا قويۇلغان ئالتۇندۇر ئۇنىڭ بىلەكلىرى، كۆك ياقۇتتا بېزەلگەن پىل چىشىدۇر بويلىرى. يوتىلىرى خۇددى مەرمەر تۈۋرۈكتۇر ئالتۇن ئۈستىگە تىكلەنگەن، قامىتى لىۋان تېغىدۇر، كېدىر دەرەخلىرى كۆركەم، ھەيۋەت كۆرۈنگەن. ئۇنىڭ ئېغىزى بەكمۇ شېرىن، ھەر جەھەتتىن مەپتۇن قىلار ئادەمنى. ئى يېرۇسالېم قىزلىرى، بۇ مېنىڭ قەدىرلىكىم، بىلىپ قېلىڭلار ھەمراھىمنى. ئېيتقىنا ئەي گۈزەللەرنىڭ گۈزىلى، ئاشىقىڭ كەتتى قايسى تەرەپكە؟ ساڭا بىز ئىزدىشىپ بېرەيلى بىرگە. ئاشىقىم كەتتى ئۆزىنىڭ گۈلزارىغا، دورا ئۆسۈملۈك بېغىدا ھۇزۇرلىنىشقا، ئۇ يەردىن قىزىلگۈللەرنى يىغىشقا. مەنسۇپتۇرمەن ئاشىقىمغا، ئۇمۇ ماڭا، ھۇزۇرلىنار ئۇ قىزىل گۈللەر ئارىسىدا. ئى سۆيۈملۈكۈم، گۈزەلدۇرسەن تىرزاھ شەھىرىدەك، يېقىملىقسەن يېرۇسالېمدەك، ھەيۋەتلىكسەن تۇغ كۆتۈرگەن قوشۇندەك. ماڭا قاراۋەرمە، ئېلىپ قاچقىن كۆزۈڭنى، مەپتۇن بولۇپ قالماقتىمەن سېنىڭ شەھلا كۆزۈڭگە. گىئلاد تېغىدىن ئويناقلاپ چۈشۈۋاتقان ئۆچكىلەردەك، دولقۇنلايدۇ قارا، بوستان چاچلىرىڭ شۇنچە. چىشلىرىڭ بىر توپ قويدۇر يېڭى قىرقىپ، يۇيۇلغان، كەم-كۈتىسىز جۈپ-جۈپ بولۇپ، قاتىرىغا تىزىلغان. چۈمبىلىڭدە يوشۇرغان مەڭزىلىرىڭ، قىزارغاندۇر خۇددى ئانارنىڭ دانىسىدەك. باردۇر شاھنىڭ ئاتمىش خانىش-ئايالى، سانسىزلىغان كېنىزەك، سەكسەن توقىلى. لېكىن مېنىڭ كۆڭلۈمدە پەقەت سەنلا. مەشۇقۇم مېنىڭ غۇبارسىز كەپتىرىمدۇر، ئۇ ئانىسىنىڭ ئەركىسىدۇر، ئۇ ئانىسىنىڭ ئەڭ قەدىردانىدۇر. ھەممە قىزلار ئۇنى كۆرسە داڭلىشار، خانىش ۋە توقاللارمۇ ماختىشار: «كىمدۇر ئۇ تاڭ سەھەردەك پارلىغان، گۈزەل ئايدەك چاقنىغان، ئىللىق قۇياشتەك يورۇغان، يۇلتۇزلاردەك ھەيۋەت بولۇپ كۆرۈنگەن؟» كىرگەن ئىدىم ياڭاقلىققا، كۆرەرمەنمۇ دەپ جىلغىدىكى چېچەكلەرنى، يۇمران ئۈزۈم نوتىلىرى، ئانارنىڭ چېچەكلىرىنى. ھاياجاندىن چۆمدۈم خۇشاللىق دەرياسىغا، خۇددى ئولتۇرغاندەك خان جەمەتى ھارۋىسىغا. ئى شۇلاملىق قىز، قايتىپ كەلگىن ئارىمىزغا، يەنە بىر قېتىم زەن سېلىپ باقايلى ساڭا. نە ۋەجىدىن زەن سېلىپ، قارىماقچى بوپ قالدىڭلار شۇلاملىق قىزغا، ئىككى قاتار قىزلار ئارىسىدا ئۇسسۇل ئويناۋاتقان ئۇنىڭغا؟ ئى مەلىكەم، نەقەدەر گۈزەل-ھە، كېپىش كىيگەن پۇتلىرىڭ، گۆھەردۇر يۇمىلاق يانپېشىڭ، ئۇ بىر گۈزەل ئەسىرىدۇر ئۇستا سەنئەتكارنىڭ. كىندىكىڭ ئوخشار گويا شاراب جامىغا، خۇشبۇي مەيلەر لىقمۇلىق تولدۇرۇلغان. قورساقلىرىڭ خۇددى بۇغداي دۆۋىسىدەك، باشتىن بوي قىزىلگۈلگە ئورالغان. ئىككى كۆكسۈڭ گويا ئىككى كېيىك بالىسى. بوينۇڭ گويا پىل چىشى مۇنارىدۇر، كۆزلىرىڭ خۇددى پات-رەببىم دەرۋازىسى يېنىدىكى خەشبۇن كۆلچىكىدۇر. قاڭشىرىڭ گويا دەمەشققە قاراپ تۇرغان لىۋان مۇنارىدۇر. بېشىڭ گويا قەد كۆتۈرگەن كارمەل تېغى، دولقۇنلىغان قارا چېچىڭ يالتىراق دۇردۇن كەبى، گۈزەللىكىڭ ئەسىر قىلار ھەتتا شاھنىڭ قەلبىنى. نەقەدەر ئوماق، گۈزەلسەن جېنىم، سۆيۈنۈش تاپىمەن سەندىن ئامرىقىم. قامىتىڭ ئوخشار خۇددى پالما دەرىخىگە، كۆكسۈڭ ئوخشار ئۇنىڭ غوژمەك مېۋىلىرىگە. چىقىپ پالما دەرىخىگە، تۇتسام دەيمەن ئۇنىڭ غۇژمەك مېۋىلىرىنى. بىلىمەن ئۈزۈم ساپلىرى دەپ كۆكسۈڭنى، پۇرىسام لەززەتلىك ئالما كەبى نەپىسىڭنى. شېرىندۇر ئېسىل شاراب كەبى لەۋلىرىڭ. سۆيۈملۈكۈم شاراب ئاقسۇن ئىچىمىزگە، شىلدىرلاپ لېۋىمىزدىن لېۋىمىزگە. مەنسۇپتۇرمەن ئاشىقىمغا، ئۇنىڭ ئىشتىياقى باردۇر ماڭا. ئى ئاشىقىم، كەل، ئېتىزلارغا بارايلى، خېنىلىكلەردە قونۇپ قالايلى. سەھەر تۇرۇپ، سەيلە قىلايلى ئۈزۈمزار ئارا، كۆرۈپ كېلەيلى ئۈزۈم تاللىرى بىخلاپتىمۇ، گۈللەر ئېچىلىپتىمۇ، ئانارلار چېچەكلەپتىمۇ، مەن شۇ يەردە سۆيگۈمنى بېرەي ساڭا. ھىدى كېلەر دورا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ، ئىشىكىمىز ئۈستىگە تىزىپ قويدۇق مېۋىلەرنى، مېۋىلەرنىڭ باردۇر كونا ۋە يېڭىلىرى، ئى ئاشىقىم، ساقلىدىم ساڭا ئۇلارنى. ئېھ، قانداق ياخشى بولار ئىدى، ئېمىلداش ئاكامدەك بولغان بولساڭ، ھېيىقماستىن سۆيسەم ئىدىم سېنى كوچىدا ئۇچراپ قالساڭ، ھېچكىممۇ ئەيىبلەپ يۈرمەيتتى مېنى. باشلاپ كىرىپ سېنى ئانامنىڭ ئۆيىگە، ئانام مېنى تەربىيەلىگەن شۇ يەرگە، ئىچكۈزەتتىم ساڭا مۇسەللەستىن، ئانار شەربەتلىرىدىن. بېشىم ئاستىدا ئۇنىڭ سول قولى، ئوڭ قولىدا قۇچاقلار مېنى. ئۆتۈنەي سىلەردىن ئەي يېرۇسالېم قىزلىرى، ۋاقتى كەلمىگۈچە ئويغاتماڭلار مۇھەببەتنى. كىم ئۇ قىز، چۆل تەرەپتىن كېلىۋاتقان، يۆلىنىپ يارىغا؟ ئويغاتتىم سېنى ئالما دەرىخى ئاستىدا، ئاناڭ تولغاق يەپ شۇ يەردە، تۇغقانىدى سېنى شۇ جايدا. قولۇڭدىكى مۆھۈر ئۈزۈكتەك، مۆھۈرلىۋال مېنى قەلبىڭگە. مۇھەببەت كۈچلۈكتۇر ئۆلۈمدەك، ئىشق مۇستەھكەمدۇر لەھەتتەك. سۆيگۈنىڭ ئۇچقۇنلىرى كۆيدۈرەر ئوتتەك، قۇدرەتلىك يالقۇندەك. سۆيگۈنى ئۆچۈرەلمەس ئۇلۇغ سۇلار، چۆكتۈرەلمەس ئۇنى توپانلار. ئەگەر بىركىم ئۇنى سېتىۋالىمەن دېسە بايلىقىغا، ئاخىر ئۆزى مەسخىرىگە قالار. بار كىچىك بىر سىڭلىمىز، تېخى بالاغەتكە يەتمىگەن. سوراپ كىرسە ئەلچىلەر، بىز نېمە ئىش قىلىمىز؟ ئەگەر ئۇ بىر سېپىل بولسا، كۈمۈش مۇنار تىكلەپ ئۇنى قوغدايلى، ئەگەر بولسا ئۇ بىر دەرۋازا، كېدىر ياغىچى بىلەن ئۇنى توسايلى. ئەسلى مەن بىر سېپىل ئىدىم، مۇناردەك ئىدى كۆكرەكلىرىم، مەندىن خۇرسەن ئىدى يىگىتىم. بائال-خامۇندا بار ئىدى سۇلايماننىڭ ئۈزۈمزارلىقى، ئۈزۈمزارلىقىنى بەردى ئۇ ئىجارىگە، ئۇلار ھوسۇلىدىن بەرمەكچى بولۇشتى مىڭ تەڭگە. مىڭ تەڭگە تەۋە بولسۇن سۇلايمانغا، ئىككى يۈز تەڭگە باققۇچىغا. مېنىڭ ئۈزۈمزارىم ئۆزۈمنىڭكىدۇر. ئەي باغدا ئولتۇرغان قىز، دوستلىرىم تەقەززادۇر ئاۋازىڭنى ئاڭلاشقا، ئىنتىزارمەن مەنمۇ ھەم ئاۋازىڭنى تىڭشاشقا. ئى ئاشىقىم، چاپسان كەلگىن يېنىمغا، خۇددى جەرەن، بۆكەن كەبى قىيغىتىپ، يېتىپ كەلگىن خۇش پۇراقلىق تېغىمغا. يەھۇدىيە پادىشاھلىرى ئۇززىيا، يوتەم، ئاخاز ۋە خىزكىيا زامانىلىرىدا ئاموزنىڭ ئوغلى يەشاياغا يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېم توغرىسىدا تۆۋەندىكى ۋەھىيلەر كەلدى. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئاڭلا، ئەي ئەرشئەلا، قۇلاق سال، ئەي يەر-زېمىن، بېقىپ چوڭ قىلغان بالىلىرىم ماڭا قارشى چىقتى. ئۆكۈز ئىگىسىنى تونۇيدۇ، ئېشەك ئوقۇرىنى بىلىدۇ، بىراق ئىسرائىللار مېنى تونۇمايدۇ، خەلقىم مېنىڭ ئۆزلىرىگە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىمنى چۈشەنمەيدۇ!» ئەي گۇناھكار قوۋم، رەزىللىككە پاتقان خەلق، قەبىھلەرنىڭ پۇشتى، ساختىلىققا تولغان ئەل! بۇ خەلق پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈدى، ئۇلار ئۆزلىرىنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدانى كۆزگە ئىلمىدى، ئۇلار ئۇنى تاشلىۋەتتى. نېمىدېگەن تاياق قېپى خەلقسىلەر؟ نېمە ئۈچۈن قارشىلىشىشنى توختاتمايسىلەر؟ باشلار يارىلانغان، يۈرەكلەر مادارىدىن كەتكەن. بېشىدىن ئايىغىغىچە بىرمۇ ساق يېرى يوق، ھەممە يەر يارا، كۆك ئىزلىرى ۋە قان ئېقىپ تۇرغان جاراھەت، ئۇلار نە تازىلانمىغان، نە تېڭىلمىغان، نە مەلھەم سۈرتۈلمىگەن. ئېلىڭلار خاراب قىلىنغان، شەھەرلىرىڭلار كۆيدۈرۈلگەن. ئېتىزلىرىڭلار كۆز ئالدىڭلاردا ياتلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىندى. زېمىنىڭلار ياتلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، خارابىلىككە ئايلاندى. غېرىبانە سىئون يالغۇز قالدى، ئۇ ئۈزۈمزارلىقتىكى يېگانە چەللىگە، قوغۇنلۇقتىكى ئەسكى كەپىگە ۋە مۇھاسىرىگە ئېلىنغان شەھەرگە ئوخشاش يالغۇز قالدى. ئەگەر قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئاز بىر قىسمىمىزنى ئامان قالدۇرمىغان بولسا ئىدى، بىز رەزىللىكىدىن تۈپتۈز قىلىنغان سودوم شەھىرىدەك بولاتتۇق، بىز رەزىللىكىدىن ۋەيران قىلىنغان گومورا شەھىرىدەك بولاتتۇق. ئەي، سودوم ھۆكۈمرانلىرىدەك رەزىل يەھۇدىيەنىڭ باشلىقلىرى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار! ئەي، گومورا خەلقىدەك رەزىل يەھۇدىيەنىڭ خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار! پەرۋەردىگار دەيدۇكى: «نۇرغۇنلىغان قۇربانلىقلىرىڭلارنىڭ ماڭا نېمە كېرىكى بار؟ قوچقارلار ۋە سەمرىتىلگەن كالىلارنىڭ ياغلىرىدىن قىلىنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلاردىن تويۇپ كەتتىم. مەن بۇقىنىڭ، پاقلاننىڭ ۋە ياكى ئۆچكىنىڭ قانلىرىدىن خۇرسەن ئەمەسمەن. سىلەر ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ئىبادەتخانامغا كەلگەندە، سىلەرنى ئىبادەتخانامدا گۈپۈرلىشىپ، قالايمىقان قىلىڭلار دەپ كىم ئېيتتى؟ بۇنداق مەنىسىز ھەدىيەلەرنى ئەمدى ئەكەلمەڭلار! سىلەرنىڭ ئىسرىقىڭلارمۇ مەن ئۈچۈن يىرگىنچلىكتۇر! سىلەر يېڭى ئاي، دەم ئېلىش كۈنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھېيتلارنى ئۆتكۈزىسىلەر، لېكىن گۇناھلىرىڭلاردىن بۇلغانغان بۇ ھېيتلىرىڭلاردىن بىزار بولدۇم. سىلەرنىڭ يېڭى ئاي ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھېيت-بايراملىرىڭلاردىن نەپرەتلىنىمەن. ئۇلار ماڭا ئېغىر يۈك بولدى، ئۇلارنى كۆتۈرۈشتىن زېرىكتىم. سىلەر دۇئاغا قوللىرىڭلارنى كۆتۈرگىنىڭلاردا، كۆزلىرىمنى قاچۇرىمەن. قانچە كۆپ دۇئا-تىلاۋەت قىلساڭلارمۇ ئاڭلىمايمەن، چۈنكى قوللىرىڭلار قانغا بويالغان. ئۆزۈڭلارنى يۇيۇپ تازىلاڭلار، رەزىل قىلمىشلىرىڭلارنى كۆز ئالدىمدىن يوقىتىڭلار. يامانلىق قىلىشنى توختىتىڭلار. ياخشىلىق قىلىشنى ئۆگىنىڭلار، ئادىللىقنى ئىزدەڭلار، زۇلۇم سالغۇچىلارنى ئەدەپلەڭلار، يېتىم-يېسىرلەرنى قوغداڭلار، تۇل ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىڭلار.» پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «كېلىڭلار، بىرلىكتە باش قوشۇپ، بۇنى ھەل قىلايلى. گەرچە گۇناھلىرىڭلار قىزىل داغدەك بولسىمۇ، ئۇلار قاردەك ئاق بولىدۇ. ئۇلار ھەتتا قىپقىزىل داغدەك بولسىمۇ، ئاقارتىلغان قوي يۇڭىدەك ئاپئاق بولىدۇ. ماڭا چىن قەلبىڭلاردىن ئىتائەت قىلساڭلار، زېمىندىكى ئەڭ ئېسىل نېمەتلەر سىلەرنىڭ بولىدۇ. ئەگەر رەت قىلىپ، ماڭا قارشى چىقساڭلار، سىلەر قىلىچ ئاستىدا ھالاك بولىسىلەر.» بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى ئېيتقان سۆزلىرىدۇر! بۇ سادىق شەھەر قانداقلارچە پاھىشە ئايالغا ئوخشاش ساداقەتسىز بولۇپ قالدى؟! ئۇ ئىلگىرى ئادالەتكە تولغان، ھەققانىيەت دەۋر سۈرگەن شەھەر ئىدىغۇ؟! بىراق ئەمدى ئۇ يەردە قاتىللارلا قالدى خالاس. كۈمۈشلىرىڭ داشقال بولدى، شارابلىرىڭغا سۇ قېتىلدى. ئەمەلدارلىرىڭ خۇدا بىلەن قارشىلاشتى. ئوغرى-قاراقچىلار ئۇلارنىڭ ھەمراھى بولدى. ھەممىسى پارا ئېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، سوۋغاتنىڭ كەينىدىن چاپىدۇ. ئۇلار يېتىم-يېسىرلەرنى قوغدىمايدۇ، تۇل ئاياللارنىڭ ئەرزىنى ئاڭلىمايدۇ. ئىسرائىللارنى تاللىغان قادىر خۇدا، يەنى ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە مۇنداق دەيدۇ: «رەقىبلىرىم بولغان سىلەرگە غەزىپىمنى ياغدۇرىمەن، دۈشمەنلىرىم بولغان سىلەردىن ئىنتىقام ئالىمەن. سىلەرگە قارشى قول كۆتۈرىمەن. داشقاللىرىڭلارنى ئۈزۈل-كېسىل تازىلاپ، پۈتكۈل ئەخلەتلىرىڭلارنى چىقىرىپ تاشلايمەن. بۇرۇنقىدەك ئادىل سوراقچىلارنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، بۇرۇنقىدەك دانا مەسلىھەتچىلەرنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن. شۇندىلا يېرۇسالېم ‹ھەققانىيەتلىك شەھەر›، ‹ساداقەتلىك شەھەر› دەپ ئاتىلىدۇ.» سىئون شەھىرى ئادالەت ئارقىلىق قۇتقۇزۇلىدۇ، شەھەردىكى توۋا قىلغان خەلق ھەققانىيەت ئارقىلىق قۇتقۇزۇلىدۇ. بىراق خۇدا بىلەن قارشىلاشقۇچىلار ۋە گۇناھكارلار بىرلىكتە ھالاك قىلىنىدۇ، پەرۋەردىگاردىن ۋاز كەچكۈچىلەر يوقىتىلىدۇ. سىلەر ياخشى كۆرگەن دۇپ دەرەخلىكىدىكى بۇتپەرەسلىكىڭلار سەۋەبىدىن نومۇسقا قالىسىلەر، سىلەر بۇتلارغا تولغان باغلارنى چوقۇنىدىغان جاي قىلىپ تاللىغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن شەرمەندە بولىسىلەر. سىلەر يوپۇرماقلىرى قۇرۇپ كەتكەن دۇپ دەرىخىگە ئوخشاپ قالىسىلەر، سۇغۇرۇلمىغان باغقا ئوخشاش قاغجىراپ قالىسىلەر. كۈچلۈكلەر قۇرۇق چۆپكە ئوخشاپ قالىدۇ، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى ئۇچقۇنغا ئوخشايدۇ، ئۇلار قىلغان ئىشلىرى بىلەن بىرلىكتە كۆيۈپ كېتىدۇ، ھېچكىم بۇ ئوتنى ئۆچۈرەلمەيدۇ. بۇ، يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېم توغرىسىدا ئاموزنىڭ ئوغلى يەشاياغا كەلگەن ۋەھىي: شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى جايلاشقان تاغ، تاغلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرىدۇ. ئۇ ھەممە تاغلاردىن بۈيۈك تۇرىدۇ، بارلىق ئەللەر ئۇ يەرگە سەلدەك ئېقىپ كېلىدۇ. نۇرغۇن ئەللەر كېلىپ شۇنداق دېيىشىدۇ: «كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا چىقايلى، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا بارايلى، ئۇ يەردە پەرۋەردىگار بىزگە ئۆز يولى توغرۇلۇق تەلىم بېرىدۇ، بىز ئۇنىڭ يولىدا ماڭىمىز.» پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمى سىئوندىن، سۆزى يېرۇسالېمدىن تارقىلىدۇ. ئۇ ئەللەر ئارىسىدا سوراق ئېلىپ بارىدۇ، ئەللەر ئارىسىدىكى دەتالاشلارنى ھەل قىلىدۇ. ئۇلار قىلىچلىرىدىن ساپان سوقىدۇ، نەيزىلىرىنى شاخ پۇتايدىغان قايچا قىلىدۇ. ئەللەر بىر-بىرىگە قىلىچ كۆتۈرمەيدۇ، ئۇرۇش قىلىشنى ئۆگەنمەيدۇ. ياقۇپ ئەۋلادلىرى كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ نۇرىدا ماڭايلى. ئى پەرۋەردىگار، سەن ئۆز خەلقىڭ بولغان ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى تەرك ئەتتىڭ، چۈنكى ئۇلار ئۆز زېمىنىنى كۈنچىقىشتىكى ئەللەرنىڭ خۇراپاتچىلىقىغا پاتۇردى، فىلىستىيەلىكلەردەك رەمچىلەرگە تولدۇردى. يات ئەللەر بىلەن ئاپاق-چاپاق بولدى. ئۇلارنىڭ زېمىنى ئالتۇن-كۈمۈشكە تولدى، خەزىنىلىرىنىڭمۇ چېكى يوق. يايلاقلىرى ئاتلارغا تولدى، جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سانى چەكسىز. ئۇلارنىڭ زېمىنى بۇتلارغا تولدى، ئۇلار ئۆز ئىجادىيىتىگە، يەنى ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىۋالغان بۇتلارغا چوقۇندى. ئىنسان شۇ بۇتلار ئالدىدا ئۆزىنى پەس قىلىپ كەمسىتىدۇ، ئۇلارنى كەچۈرمىگەيسەن. سىلەر غارلارغا كىرىۋېلىپ ياكى يەر ئاستىغا يوشۇرۇنىۋېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىدىن قېچىپ قۇتۇلالامسىلەر؟! ئۇنىڭ ھەيۋەتلىك ئۇلۇغلۇقىدىن ئامان قالالامسىلەر؟! ئىنساننىڭ تەكەببۇرلۇقى يەرگە ئۇرۇلىدۇ، ئىنساننىڭ مەغرۇرلۇقى پەسكە چۈشىدۇ، ئۇ كۈن كەلگەندە پەقەت پەرۋەردىگارلا ئۇلۇغلىنىدۇ. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ شۇنداق بىر كۈنى كېلىدۇكى، ئۇ كۈنى ئۇ تەكەببۇرلار، ھاكاۋۇرلار ۋە بارلىق ئۆزىنى چوڭ تۇتقانلارنى يەرگە ئۇرىدۇ. ئۇلارنى خۇددى لىۋاننىڭ پەلەككە تاقاشقان ئېگىز كېدىرلىرى ۋە باشاننىڭ دۇپ دەرەخلىرىنى كېسىپ تاشلىغاندەك كېسىپ تاشلايدۇ، خۇددى بارلىق ئېگىز تاغ ۋە چوققىلارنى تۈزلىۋەتكەندەك تۈزلىۋېتىدۇ، خۇددى ئېگىز مۇنار ۋە مۇستەھكەم سېپىللارنى ۋەيران قىلغاندەك ۋەيران قىلىۋېتىدۇ، خۇددى ئەڭ يىراق تارشىشقا بارىدىغان كاتتا كېمىلەرنى ۋە ھەشەمەتلىك كېمىلەرنى بۇزۇپ تاشلىغاندەك بۇزۇپ تاشلايدۇ. ئىنساننىڭ تەكەببۇرلۇقى پەسكە چۈشىدۇ، ئىنساننىڭ مەغرۇرلۇقى يەرگە ئۇرۇلىدۇ، ئۇ كۈن كەلگەندە پەقەت پەرۋەردىگارلا ئۇلۇغلىنىدۇ. بۇتلار پۈتۈنلەي يوقىتىلىدۇ. پەرۋەردىگار ئورنىدىن قوزغىلىپ زېمىننى لەرزىگە كەلتۈرگەندە، كىشىلەر ئۇنىڭ غەزىپىدىن ۋە ھەيۋەتلىك ئۇلۇغلۇقىدىن، قورقۇنچلۇق ۋەھىمە ئىچىدە ئۆڭكۈر ۋە ئورەكلەرگە كىرىپ كېتىدۇ. ئۇ ۋاقىت كەلگەندە ئىنسانلار چوقۇنۇش ئۈچۈن ئۆزلىرى ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسىۋالغان بۇتلارنى، غارلاردىكى چاشقان ۋە شەپەرەڭلەرگە تاشلاپ بېرىدۇ. پەرۋەردىگار ئورنىدىن قوزغىلىپ زېمىننى لەرزىگە كەلتۈرگەندە، كىشىلەر ئۇنىڭ غەزىپىدىن ۋە ھەيۋەتلىك ئۇلۇغلۇقىدىن، قورقۇنچلۇق ۋەھىمە ئىچىدە غارلارغا ۋە ئۆڭكۈرلەرگە كىرىپ كېتىدۇ. ئاجىز بەندىگە ئىشىنىشتىن ۋاز كەچكىن. ئۇ نېمىتتى؟ ئۇ نەپسىدىن ئايرىلسا ئۆلىدۇ، خالاس. قاراڭلار، ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنى ئۇلار تايىنىپ كەلگەن ھەممە نەرسىلىرىدىن مەھرۇم قىلىدۇ، يەنى ئۇ سىلەردىن نان ۋە سۇنى، باتۇرلار ۋە لەشكەرلەرنى، پەيغەمبەر ۋە سوتچىلارنى، پالچى ۋە ئاقساقاللارنى، ئەللىكبېشى ۋە ئابرۇيلۇقلارنى، مەسلىھەتچىلەر، ماھىر ھۈنەرۋەن ۋە ئەپسۇنچىلارنى ئېلىپ كېتىدۇ. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۆسمۈر بالىلارنى ھۆكۈمران قىلىمەن، كىچىك بالىلار خەلقىمنى باشقۇرىدۇ. خەلق بىر-بىرىگە زۇلۇم سالىدۇ، ھەتتا قوشنىلارمۇ بىر-بىرىگە زۇلۇم سالىدۇ. ياشلار قېرىلارنى خورلايدۇ، پەسكەش ئادەملەر ئابرۇيلۇقلارنى مەنسىتمەيدۇ.» بىرى، ئاتىسىنىڭ ئۆيىدە ئاكىسىنى تارتىپ، ئۇنىڭغا: «سېنىڭ چاپىنىڭ بار ئىكەن، سەن بىزگە باشلىق بولغىن، بۇ خارابىلىكنى باشقۇرغىن» دەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاكىسى ۋارقىراپ تۇرۇپ: «مەن ياراڭلارنى ساقايتالمايمەن، ئۆيۈمدە نە نان، نە چاپان يوق. مېنى خەلققە باشلىق قىلماڭلار!» دەيدۇ. يېرۇسالېم ئاغدۇرۇلۇپ چۈشىدۇ، يەھۇدىيە گۇمران بولىدۇ! چۈنكى ئۇلارنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرى پەرۋەردىگارنىڭ زىتىغا تەگدى، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىگە قارشى چىقتى. يۈزلىرىدىكى ئىپادىلەر ئۇلارنىڭ ئۆز رەزىللىكىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ، خۇددى رەزىل سودوملۇقلاردەك ئۆز گۇناھلىرىنى ئاشكارا قىلىدۇ. ئۇلار ئۆز گۇناھلىرىدىن نومۇس قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى ئۇلار ئۆز بېشىغا ئۆزى ئىش تاپتى. ھەققانىيلارغا ئېيتقىن، ئۇلار ياخشىلىق تاپىدۇ، ئۇلار ئۆز ئىش-ھەرىكىتىنىڭ مېۋىسىنى يەيدۇ. رەزىللەرنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلارنىڭ بېشىغا كۈلپەت چۈشۈپ، قىلغان يامانلىقلىرى ئۆزىگە يانىدۇ. بالىلار خەلقىمگە زۇلۇم سالىدۇ، ئاياللار ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئاھ خەلقىم، يولباشچىلىرىڭلار سىلەرنى ئازدۇرىدۇ، سىلەر گاڭگىراپ قېلىپ، توغرا يولنى تاپالمايسىلەر. پەرۋەردىگار سوتتىن ئورۇن ئالدى، ئۇ خەلقنى سوراققا تارتىشقا ھازىرلاندى. پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «سىئون ئاياللىرى تەكەببۇرلىشىپ كەتتى. ئۇلار غادىيىپ، كۆزلىرىنى ئوينىتىپ، ئۇششاق قەدەم تاشلاپ، پۇتلىرىدىكى زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنى شاراقشىتىپ مېڭىشىدۇ. شۇ سەۋەبتىن مەن ئىگەڭلار سىئون ئاياللىرىنىڭ بېشىنى تاز قىلىمەن. مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى چاچسىز قىلىپ، نومۇستا قالدۇرىمەن.» ئۇ كۈن كەلگەندە ئىگىمىز ئۇلارنىڭ پۇتلىرىدىكى بېزەكلەر، بېشىدىكى لېنتىلار، ئاي شەكىللىك زىننەت بۇيۇملار، ھالقىلار، بىلەزۈكلەر، چۈمبەللەر، باش كىيىملىرى، پۇتىدىكى زەنجىرلەر، كەمەرلەر، ئەتىر قۇتىلار، تۇمارلار، ئۈزۈكلەر، بۇرۇن ھالقىلىرى، بايراملىق لىباسلار، تونلار، چاپانلار، ھەميانلار، ئەينەكلەر، كەندىر رەختتىن تىكىلگەن كىيىملەر، تاجلار ۋە روماللارنى تارتىپ ئەكىتىدۇ. خۇشبۇي پۇراقلارنىڭ ئورنىغا سېسىق پۇراق ئالمىشىدۇ، كەمەر ئورنىغا ئارغامچا ئىشلىتىلىدۇ، قويۇق چاچ ئورنىغا تاقىر باش ئالمىشىدۇ، ئېسىل لىباس ئورنىغا ماتەملىك كىيىم كىيىدۇ، گۈزەللىك ئورنىنى شەرمەندىچىلىك ئالىدۇ. ئەرلىرىڭلار قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ، باتۇرلىرىڭلار ئۇرۇش مەيدانىدا يەر چىشلەيدۇ. سىئون دەرۋازىلىرى نالە قىلىپ ھازا تۇتىدۇ، بۇ شەھەر توپا يەردە غېرىبسىنىپ يالغۇز ئولتۇرغان ئايالغا ئوخشاپ قالىدۇ. ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، يەتتە ئايال بىر ئەرنى تالىشىپ: «بىز ئۆز نېنىمىزنى ئۆزىمىز تېپىپ يەيمىز، ئۆز كىيىمىمىزنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزىمىز چىقىمىز. بىزنى ئەمىرلىرىگە ئالغايلا، شەرمەندىچىلىكىمىزنى يوقاتقايلا!» دەيدۇ. ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆستۈرگەن نوتىسى گۈزەل ۋە سەلتەنەتلىك بولىدۇ. بۇ زېمىننىڭ مېۋە-چېۋىلىرى ئىسرائىلىيەدىكى ئامان قالغانلارنىڭ ئىپتىخارى ۋە شان-شەرىپى بولىدۇ. سىئوندا قالغانلار، يەنى يېرۇسالېمدا ئامان قالغانلار «خۇداغا بېغىشلانغانلار» دەپ نام ئالىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگار يېرۇسالېمدا ئامان قالدۇرۇشقا تاللىغان ئادەملەردۇر. ئىگىمىز سوراق ۋە جازالاش ئارقىلىق سىئون ئاياللىرىنىڭ مەينەتچىلىكىنى يۇيىدۇ، يېرۇسالېمنىڭ قان داغلىرىنىمۇ تازىلايدۇ. ئارقىدىن پەرۋەردىگار سىئون تېغىدا خەلق يىغىلغان يەردە كۈندۈزى بۇلۇتنى، كېچىسى يالقۇنجاپ تۇرغان بىر يورۇقلۇقنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭ شان-شەرىپى پۈتكۈل زېمىنغا سايىۋەن بولىدۇ. ئۇ كۈندۈزنىڭ ئىسسىقىغا سايە ۋە كۆلەڭگە بولىدۇ، بوران-چاپقۇن ۋە يامغۇر-يېشىندا پاناھگاھ ۋە دالدا بولىدۇ. مەن سىلەرگە بىر مۇھەببەت ناخشىسى ئېيتىپ بېرەي، بۇ ناخشا دوستۇمنىڭ ئۈزۈمزارلىقى ھەققىدىدۇر: «دوستۇمنىڭ بار ئىدى ئۈزۈمزارلىقى، ئۇنىڭ يېرى مۇنبەت ئېدىرلىقتا ئىدى، ئۇ ئاغدۇرۇپ يېرىنى، تېرىپ تاشلاپ تاشلىرىنى، تىكتى ئۇ يەرگە سورتلۇق ئۈزۈم كۆچەتلىرىنى. ياسىدى ئۇ يەرگە بىر كۆزەت كەپىسى، ھەتتا قازدى ھەم بىر شاراب كۆلچىكى. كۈتكەنىدى ئۇ، بۇ يەردىن ياخشى ھوسۇلنى، بىراق ناچار چىقتى ئۇنىڭ ئۈزۈملىرى.» پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي، يېرۇسالېمدا ياشايدىغانلار، ئەي، يەھۇدىيە پۇقرالىرى، مەن بىلەن ئۈزۈمزارلىقىم ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىڭلار! مەن ئۈزۈمزارلىقىم ئۈچۈن كۆپ ئەجىر قىلدىم! يەنە نېمە قىلىشىم كېرەك ئىدى؟ ئۈزۈملەرنىڭ ياخشى چىقىشىنى ئارزۇ قىلغانىدىم، بىراق نېمە ئۈچۈن ئۈزۈملەر ناچار چىقتى؟ ئەمدى ئۈزۈمزارلىقىمغا نېمە قىلىدىغانلىقىمنى سىلەرگە ئېيتىپ قوياي: ئۇنىڭ قاشالىرىنى قومۇرۇپ تاشلايمەن، ھايۋانلار كېلىپ ئۇنى يەپ تۈگەتسۇن. ئۇنىڭ تاملىرىنى بۇزۇپ، چاقىمەن، ئۇنى ھايۋانلار دەسسەپ-چەيلەپ ۋەيران قىلسۇن. مەن ئۇنى تاشلاندۇق يەر قىلىۋېتىمەن، ھېچكىم ئۇنىڭ شاخلىرىنى پۇتىمايدۇ، ئوتلىرىنى ئوتىمايدۇ، ئۇ يەرنى تىكەن ۋە ئازغانلار بېسىپ كېتىدۇ، بۇلۇتلارغا يامغۇر ياغماسلىققا ئەمر قىلىمەن.» قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئۈزۈمزارلىقى ئىسرائىل خەلقىدۇر، يەھۇدىيە پۇقراسى ئۇنىڭ خۇشتار بولغان ئۆسۈملۈكىدۇر. ئۇ ئادالەتنى ئارزۇ قىلغانىدى، بىراق قان تۆكۆلۈشنى كۆردى، ئۇ ھەققانىيلىقنى كۈتكەنىدى، بىراق نالە-پەريادنى ئاڭلىدى. ئۆيى تۇرۇپ يەنە ئۆي قوشۇۋالغانلار، قورۇقىغا يەنە قورۇق قېتىۋالغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! بۇ زېمىندا باشقىلارغا جاي قالدۇرمىدىڭلار، ئەمدى ئۆزۈڭلار يالغۇز ياشايسىلەر. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «نۇرغۇنلىغان ئۆيلەر چۆلدەرەپ قالىدۇ، ھەتتا ئېسىل سارايلارمۇ ئادەمسىز قالىدۇ. ئون مو ئۈزۈمزارلىقتىن ئاران بىر كۈپلا شاراب چىقىدۇ، ئون تاغار ئۇرۇقتىن ئاران بىر تاغارلا ئاشلىق چىقىدۇ.» قاق سەھەردە تۇرۇپ، ئاچچىق بوزىنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ، كېچىچە مەي ئىچىپ غەرق مەست بولغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلارنىڭ زىياپەتلىرىدە شارابلار ئىچىلىپ، لىرا، چىلتار، داپ ۋە نەيلەر بىلەن نەغمە-ناۋا قىلىنىدۇ، بىراق پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ئۇلارنىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمايدۇ، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قىلغان ئىشلىرىغا نەزەرمۇ سالمايدۇ. خەلقىم مېنى تونۇمىغانلىقى ئۈچۈن سۈرگۈن قىلىنىدۇ. يۈز-ئابرۇيلۇقلار ۋە پۇقرالار ئاچلىقتىن، ئۇسسۇزلۇقتىن ھالاك بولىدۇ. شۇ تۈپەيلىدىن گۆرنىڭ ئىشتىھاسى يوغىناپ، ئاغزى چەكسىز يوغان ئېچىلىدۇ. ئۇ يېرۇسالېمنىڭ نوپۇزلۇقلىرى ۋە پۇقرالىرىنى يۇتۇپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئويۇن-تاماشا قىلغانلارنىمۇ يۇتۇپ كېتىدۇ. ئىنسان پەس قىلىنىدۇ، ئىنساننىڭ ھاكاۋۇرلۇقى يەرگە ئۇرۇلىدۇ، ئىنساننىڭ تەكەببۇرلۇقى يەرگە ئۇرۇلىدۇ. بىراق قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئادىل ھۆكۈمى بىلەن ئۇلۇغلىنىدۇ، مۇقەددەس خۇدا ئۆزىنىڭ ھەققانىيلىقى ئارقىلىق مۇقەددەسلىكىنى نامايان قىلىدۇ. ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، قويلار ئۆز يايلاقلىرىدا ئوتلاپ يۈرگەندەك، ئۈزۈمزارلىقلاردا ئوتلاپ يۈرىدۇ. بايلارنىڭ خارابىلىكىدىمۇ مۇساپىرلار ئوزۇقلۇق تېپىپ يەيدۇ. يالغانچىلىقنى ئارغامچا قىلىپ گۇناھىنى سۆرەپ يۈرگەنلەرنىڭ، رەزىللىكىنى ھارۋىسى بىلەن ئېلىپ يۈرگەنلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار خۇدانى مەسخىرە قىلىپ: «قېنى تېز بولسۇن، ئۇ قىلىدىغىنىنى تېز قىلسۇن، بىز كۆرەيلى! ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرسۇنچۇ، بىز بىلەيلى!» دەيدۇ. ئاقنى قارا، قارىنى ئاق، يورۇقلۇقنى زۇلمەت، زۇلمەتنى يورۇقلۇق، تاتلىقنى ئاچچىق، ئاچچىقنى تاتلىق دەيدىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۆزىنى دانا دەپ بىلگەنلەرنىڭ، ئۆزىنى زېرەك ھېسابلىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ھاراق ئىچىشتە باتۇرلۇق قىلغانلارنىڭ، ھاراقنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىشتە نوچىلىق قىلغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار پارا ئېلىپ گۇناھكارنى قويۇپ بېرىدۇ، بىگۇناھقا ئادالەتسىزلىك قىلىدۇ. شۇڭا، يالقۇنجاپ يېنىۋاتقان ئوتتا كۆيۈۋاتقان پاخال ۋە غازاڭدەك، ئۇلارنىڭ يىلتىزلىرى چىرىپ، گۈل-چېچەكلىرى كۆيۈپ كېتىدۇ. ئۇلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمىنى رەت قىلدى، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدانىڭ سۆزلىرىنى كۆزگە ئىلمىدى. شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقىگە غەزىپى قوزغالدى، ئۇلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن قولىنى كۆتۈرىدۇ. تاغلار تەۋرىنىپ، جەسەتلەر خۇددى ئەخلەتكە ئوخشاش، كوچىلاردا ياتىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ غەزىپى بېسىلمايدۇ، ئۇ كۆتۈرگەن قولىنى يەنىلا چۈشۈرمەيدۇ. ئۇ يىراقتىكى ئەللەرگە تۇغ كۆرسىتىدۇ، ئۇ پۇشتەك چېلىپ دۇنيانىڭ ئۇ چېتىدىكىلەرنى چاقىرىدۇ. مانا بۇ ئەللەر تېز ھەم ئۇچقاندەك كېلىدۇ! ئۇلارنىڭ ھېچبىرى ھارمايدۇ، پۇتلاشمايدۇ، مۈگدەپ قالمايدۇ، ئۇخلاپ قالمايدۇ. ئۇلارنىڭ نە كەمەرلىرى بوشاشمايدۇ، نە چورۇقلىرىنىڭ يىپلىرى ئۈزۈلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئوقيالىرى ئۆتكۈر بولۇپ، ساداقلىرىنىڭ كىرىچى چىڭ تارتىلغان. ئاتلىرىنىڭ تۇياقلىرى چاقماق تاشتەك قاتتىق، جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ چاقلىرى قۇيۇندەك پىرقىرايدۇ. ئۇلار شىردەك ھۆركىرەيدۇ، غالجىر شىردەك ھۇۋلايدۇ. ئۇلار ھۆركىرەپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ئېتىلىدۇ، ئۇنى ئېلىپ ماڭغاندا، ھېچكىم ئۇنى قۇتقۇزالمايدۇ. ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار ئىسرائىللارنىڭ ئۈستىدە ھۆركىرەيدۇ، ئۇ ئاۋاز خۇددى دېڭىز شاۋقۇنىغا ئوخشايدۇ. ئەگەر كىمكى ئۇ زېمىنغا باقسا، ئۇ زۇلمەت ۋە ئازابنى كۆرىدۇ، يورۇقلۇقمۇ قارا بۇلۇتلاردىن خىرەلىشىدۇ. ئۇززىيا پادىشاھ ۋاپات بولغان يىلى، مەن كۆكتە يۈكسەك تەختتە ئولتۇرغان ئىگەمنى كۆردۈم. ئۇنىڭ لىباسىنىڭ ئېتىكى ئىبادەتخانا ئىچىگە تولغانىدى. ئۈستى تەرىپىدە يېنىپ تۇرغان «سىراف»لار بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئالتە قانىتى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىككى قانىتى يۈزىنى يېپىپ تۇراتتى، يەنە ئىككى قانىتى پۇتلىرىنى يېپىپ تۇراتتى، قالغان ئىككى قانىتى بىلەن ئۇچۇپ تۇراتتى. ئۇلار بىر-بىرىگە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «مۇقەددەس، مۇقەددەس، مۇقەددەستۇر قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار! پۈتكۈل يەر-زېمىن تولغاندۇر ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا!» دەپ ۋارقىرىشاتتى. ئۇلارنىڭ ئاۋازى پۈتكۈل ئىبادەتخانىنى تەۋرىتىۋەتتى، ئۇ يەر تۈتۈنگە تولدى. مەن ئۆزۈمگە شۇنداق دېدىم: _ ھالىمغا ۋاي! مەن تۈگەشتىم. چۈنكى ئېغىزىم گۇناھقا پاتقان ھەمدە ئېغىزى گۇناھقا پاتقانلار ئارىسىدا ياشايدىغان مەن، ئالەمنىڭ پادىشاھى، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم! سىرافلارنىڭ بىرى قۇربانلىق سۇپىسىدىن لاخشىگىر بىلەن ئالغان بىر چوغنى قولىدا تۇتۇپ، يېنىمغا ئۇچۇپ كەلدى. ئۇ چوغنى ئاغزىمغا تەگكۈزۈپ قويۇپ: _ قارا، بۇ چوغ لەۋلىرىڭگە تەگكۈزۈلدى، ئەمدى ئەيىبلىرىڭ يۇيۇلدى، گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈلدى، _ دېدى. مەن يەنە ئىگەمنىڭ: «كىمنى ئەۋەتەي؟ كىم بىز ئۈچۈن بارىدۇ؟» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. مەن: _ مەن بۇ يەردىمەن، مېنى ئەۋەتىڭ! _ دېدىم. ئىگەم ماڭا مۇنداق دېدى: _ سەن بېرىپ ئۇ خەلققە: «ئاڭلايسىلەر، بىراق چۈشەنمەيسىلەر، كۆرىسىلەر، بىراق ھېس قىلالمايسىلەر.» دەپ ئېيتقىن. سەن ئۇلارنىڭ قەلبىنى جاھىل، قۇلاقلىرىنى پاڭ، كۆزلىرىنى كور قىل! شۇنىڭدا ئۇلارنىڭ كۆزلىرى كۆرمەس، قۇلاقلىرى ئاڭلىماس، قەلبى چۈشەنمەس بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ يولۇمغا قايتىپ شىپا تاپالمايدۇ. كېيىن مەن: _ ئى ئىگەم، بۇ قاچانغىچە داۋاملىشىدۇ؟ _ دەپ سورىدىم. ئىگەم جاۋابەن مۇنداق دېدى: «بۇ تاكى شەھەرلەر ئادەمزاتسىز خارابىلىككە ئايلانغۇچە، ئۆيلەر چۆلدەرەپ، ۋەيران بولغان زېمىنلار قاقاسلىققا ئايلانغۇچە، تاكى مەن بۇ خەلقنى يىراققا سۈرگۈن قىلىپ، بۇ زېمىنلار تاشلىۋېتىلگۈچە داۋاملىشىدۇ. بۇ زېمىندا خەلقنىڭ ئوندىن بىرى قالسىمۇ، زېمىن يەنىلا ۋەيران قىلىنىدۇ. لېكىن خۇددى پىستە ۋە دۇپ دەرەخلىرى كېسىلىپ، كۆتىكى قالسىمۇ يەنە كۆكلىگەندەك، ئۇلارمۇ كۆكلەيدۇ. مۇقەددەس ئۇرۇق _ شۇ كۆتەكتۇر.» پادىشاھ ئۇززىيانىڭ نەۋرىسى، يوتەمنىڭ ئوغلى ئاخاز يەھۇدىيەدە پادىشاھ بولغان مەزگىلدە، سۈرىيە پادىشاھى رىزىن بىلەن رىماليانىڭ ئوغلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى پەقاخ يېرۇسالېمغا ئۇرۇش ئاچتى، بىراق غالىب كېلەلمىدى. سۈرىيە بىلەن شىمالدىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنىڭ ئىتتىپاقداش بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر يەھۇدىيەدىكى پادىشاھ ئوردىسىغا يېتىپ كەلگەندە، ئاخاز پادىشاھ ۋە بارلىق خەلق قورققىنىدىن، بوراندا سىلكىنگەن دەرەخلەردەك تىترەپ كەتتى. پەرۋەردىگار يەشاياغا مۇنداق دېدى: _ ئوغلۇڭ شىئار-ياشۇب نى ئېلىپ ئاخاز پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا سۆزۈمنى يەتكۈزگىن. سەن ئۇنى، يۇقىرىدىكى كۆلچەككە سۇ قۇيۇلىدىغان ئۆستەڭنىڭ ئايىغىدىن، يەنى كىر يۇيىدىغان دالاغا بارىدىغان يولنىڭ بويىدىن تاپالايسەن. ئۇنىڭغا ئېيتقىن: «ئېھتىيات قىل، جىددىيلەشمە ۋە قورقما. سۈرىيە پادىشاھى رىزىن ۋە رىماليانىڭ ئوغلىنىڭ غەزىپىدىن بوشاپ كەتمە. ئۇلار خۇددى ئوتى ئۆچكەن ئوتۇننىڭ ئىسىدۇر. سۈرىيە پادىشاھى ۋە رىماليانىڭ ئوغلى سۇيىقەست پىلانلاپ: ‹يەھۇدىيەگە ھۇجۇم قىلىپ، خەلقنى ۋەھىمىگە سېلىپ، ئۇ يەرنى ئىشغال قىلايلى. كېيىن ئۇ يەرگە تابىئالنىڭ ئوغلىنى پادىشاھ قىلىپ تىكلەيلى› دەۋاتىدۇ. بىراق مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى: ‹بۇ ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ ھەم ھېچقاچان بۇنداق ئىش يۈز بەرمەيدۇ. چۈنكى دەمەشق شەھىرى سۈرىيەنىڭ بېشى بولسىمۇ، لېكىن دەمەشقنىڭ بېشى بولغان رىزىن پەقەت بىر ئاجىز بەندىغۇ؟ شىمالدىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىمۇ 65 يىل ئىچىدە بىتچىت قىلىنىپ، خەلقىمۇ يوق قىلىنىدۇ، سامارىيە شەھىرى ئىسرائىلىيەنىڭ بېشى بولسىمۇ، لېكىن سامارىيەنىڭ بېشى بولغان رىماليانىڭ ئوغلى پەقەت بىر ئاجىز بەندىغۇ؟ ئەگەر سەن ئېتىقادىڭدا چىڭ تۇرمىساڭ، پۇت تىرەپ تۇرالمايسەن!›» پەرۋەردىگار يەشايا ئارقىلىق ئاخاز پادىشاھقا يەنە مۇنداق دېدى: _ مېنىڭ ئېيتقان بۇ سۆزلىرىمنىڭ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى بىلىپ، ئىشىنىشىڭ ئۈچۈن، مەيلى بۇ قانچىلىك مۆجىزىلىك ئىش بولسىمۇ، سەن مەن پەرۋەردىگار خۇدادىن بېشارەت تىلە! بىراق ئاخاز يەشاياغا: _ مەن سورىمايمەن، مەن پەرۋەردىگارنى سىنىمايمەن! _ دېدى. يەشايا جاۋابەن مۇنداق دېدى: _ ئەي پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى، قۇلاق سېلىڭلار! خەلقنى بەزدۈرگىنىڭلار يەتمىگەندەك، ئەمدى خۇدانىمۇ بەزدۈرمەكچىمۇ؟ ئۇنداقتا پەرۋەردىگار ئۆزى سىلەرگە شۇنداق بېشارەت بېرىدۇ: ياش قىز ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغىدۇ. ئۇ بالىغا «ئىممانۇئېل» دەپ ئىسىم قويىدۇ. بالا ئاق-قارىنى پەرق ئېتەلىگۈدەك بولغۇچە سۈزمە بىلەن بال يەيدۇ. بالا ئاق-قارىنى پەرق ئېتەلىگۈدەك بولغان ۋاقىتقىچە، سىلەرنى ۋەھىمىگە سالغان ئىككى پادىشاھنىڭ زېمىنى ئاللىبۇرۇن تاشلاندۇق يەرگە ئايلىنىدۇ. پەرۋەردىگار سېنىڭ بېشىڭغا، شۇنداقلا خەلقىڭگە ۋە خان جەمەتىڭگە، ئىسرائىلىيە يەھۇدىيەدىن بۆلۈنۈپ چىققاندىن بۇيان يۈز بېرىپ باقمىغان شۇنداق بىر كۈننى سالىدۇ. ئۇ ئاسسۇر پادىشاھىنى باشلاپ كېلىدۇ. ئۇ ۋاقىت كەلگەندە پەرۋەردىگار مىسىر ۋە ئاسسۇر قوشۇنلىرىنى پۇشتەك چېلىپ چاقىرىپ كېلىدۇ. ئۇلار خۇددى چىۋىن ۋە ھەرىلەردەك يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، زېمىنىڭغا يېپىشىدۇ. ئۇلار كېلىپ تىك جىلغىلارغا، قىيا تاشلارنىڭ ئارىلىقلىرىغا، چاتقاللىقلارغا ۋە يايلاقلارغا جايلىشىدۇ. ئۇ ۋاقىت كەلگەندە پەرۋەردىگار ئاسسۇر پادىشاھىنى ئىشقا سالىدۇ. ئۇ، پەرۋەردىگارنىڭ قولىدا خۇددى فىرات دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىن ئىجارىگە ئېلىپ كېلىنگەن ئۇستىرىغا ئوخشاش چېچىڭنى، پۇتۇڭنىڭ تۈكلىرىنى ۋە ساقىلىڭنى چۈشۈرۈپ تاشلايدۇ. ئۇ ۋاقىت كەلگەندە ئادەملەر بىر ياش ئىنەك ۋە ئىككى ئۆچكىنىلا تىرىك ساقلاپ قالالايدۇ. ئۇلار كۆپ سۈت بەرگەنلىكتىن، بۇ ئادەم سۈزمە يەيدۇ. شۇ زېمىندا قالغانلارنىڭ ھەممىسىمۇ سۈزمە ۋە بال يەيدۇ. ئۇ ۋاقىت كەلگەندە مىڭ كۈمۈش تەڭگىگە باراۋەر كېلىدىغان مىڭلىغان تەكلىرى بار ئۈزۈمزارلىقلار ئازغان ۋە تىكەنلىككە ئايلىنىدۇ. ئادەملەر ئۇ يەرگە ئوۋ ئوۋلاش ئۈچۈن ئوقيالىرىنى ئېلىپ بارىدۇ، چۈنكى پۈتكۈل زېمىننى ئازغان ۋە تىكەن قاپلاپ كەتكەن بولىدۇ. بۇرۇن تېرىلغان ئېدىرلىقلارغا ئەمدى بارالمايسەن. چۈنكى ئازغان ۋە تىكەندىن قورقىسەن. ئۇ يەرلەر كالا ۋە قوي-ئۆچكىلەر ئوتلايدىغان يەرگە ئايلىنىدۇ. كېيىن پەرۋەردىگار ماڭا: _ بىر چوڭ تاختايغا كىشىلەر ئوقۇيالىغۇدەك ئېنىق قىلىپ: «تېز بۇلاش، تېز تالان-تاراج قىلىش» دەپ يازغىن. مەن، ئىشەنچلىك بولغان روھانىي ئۇرىيا ۋە يىبەرەكيانىڭ ئوغلى زىكىرىيانى گۇۋاھلىققا چاقىرىمەن، _ دېدى. كېيىن مەن ئايالىم بىلەن بىر ئورۇندا ياتتىم. ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. پەرۋەردىگار ماڭا: _ ئۇنىڭغا «تېز بۇلاش، تېز تالان-تاراج قىلىش» دەپ ئىسىم قويغىن. بالىنىڭ «دادا، ئانا» دەپ تىلى چىقىشتىن بۇرۇن، دەمەشقنىڭ ۋە سامارىيەنىڭ ئولجا ئالغان بايلىقلىرى ئاسسۇر پادىشاھى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلىدۇ، _ دېدى. پەرۋەردىگار ماڭا يەنە مۇنداق دېدى: _ بۇ خەلق تىنچ ئاقىدىغان شىلوخ ئۆستىڭىدىن ۋاز كېچىپ، پادىشاھ رىزىن ۋە پادىشاھ پېكاھتىن خۇش بولدى. شۇڭلاشقا مەن پەرۋەردىگار خۇددى فىرات دەرياسىنىڭ شىددەتلىك سۈيىدەك، ئاسسۇر پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ كۈچلۈك قوشۇنلىرىنى ئۇلارغا قارشى باشلاپ كېلىمەن. بۇ قوشۇنلار خۇددى كەلكۈندەك، بوغۇزلارنى بۆسۈپ، قىرغاقلاردىن تېشىپ كېتىدۇ. بۇ ئېقىم يەھۇدىيەگە سەلدەك كېلىپ، تاشقىنلاپ، ئۇنىڭ بوينىغىچە تاقىشىدۇ. ئۇنىڭ كەڭ يېيىلغان قاناتلىرى پۈتكۈل زېمىنىڭنى تولدۇرىدۇ، ئەي ئىممانۇئېل! ئەي يات خەلقلەر، سىلەر كۇكۇم-تالقان بولىسىلەر، ئەي يىراقتىكى ئەللەر، سىلەر قۇلاق سېلىڭلار، ساۋۇتىڭلارنى كىيىڭلار، لېكىن كۇكۇم-تالقان بولىسىلەر، ساۋۇتىڭلارنى كىيىڭلار، بىراق بەرىبىر كۇكۇم-تالقان بولىسىلەر! پۇختا ئۇرۇش پىلانى تۈزۈۋېرىڭلار، ئەمما ئۇ كارغا كەلمەيدۇ. بۇيرۇق چۈشۈرۈۋېرىڭلار، بىراق ئۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ، چۈنكى خۇدا بىز بىلەن بىللىدۇر. پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك قولى بىلەن ماڭا كۈچ بېرىپ، مېنى بۇ خەلقنىڭ يولىدا ماڭماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ خەلق سۇيىقەست دېگەننى سەن سۇيىقەست دېمە، ئۇلار قورققان ئىشلاردىن سەن قورقما، ۋەھىمىمۇ قىلما. مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارىڭنى مۇقەددەس دەپ بىل، پەقەت مەندىن قورققىن، پەقەت مەندىن ۋەھىمە قىل. مەن سىلەر ئۈچۈن پاناھلىنىدىغان جاي بولىمەن. لېكىن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىككى پادىشاھلىقى پۇتلىشىدىغان، نۇرغۇن ئادەملەرنى پۇتلاشتۇرۇپ يىقىتىدىغان تاش بولىمەن. يېرۇسالېم ئاھالىسى ئۈچۈن تۇزاق ۋە قاپقان بولىمەن. نۇرغۇن ئادەملەر بۇ تاشقا پۇتلىشىدۇ، ئۇلار يىقىلىپ، پارچە-پارچە بولۇپ كېتىدۇ. ئۇلار قاپقانغا چۈشۈپ ئەسىر بولىدۇ.» تەلىملىرىم پۈتۈلگەن يازمىلىرىمنى ئوراپ قويغىن، شاگىرتلىرىمغا ئېيتىلغان بۇ تەلىملىرىمنى پېچەتلەپ قويغىن. مەن ياقۇپ ئەۋلادلىرىنى رەت قىلغان پەرۋەردىگارنى كۈتىمەن، مەن ئۈمىدىمنى ئۇنىڭغا باغلىدىم. مانا قاراڭلار، پەرۋەردىگار ماڭا ئىككى پەرزەنت ئاتا قىلدى. مەن ۋە پەرزەنتلىرىم، سىئون تېغىدا ئۆز خەلقى بىلەن بىللە بولغان قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلىيە ئۈچۈن، بەرگەن نىشان ۋە بېشارەتلىرىدۇر. ئادەملەر سىلەرگە: «ئۆلگەنلەرنىڭ روھىدىن ياردەم تىلەپ ئەپسۇن ئوقۇيدىغانلارنىڭ قېشىغا بېرىڭلار» دەيدۇ. ئىنسان ئۆز تەقدىرىنى بىلىش ئۈچۈن خۇداغا مۇراجىئەت قىلماستىن، ئۆلۈكلەرگە مۇراجىئەت قىلىشى كېرەكمۇ؟ ياق! خۇدانىڭ تەلىمى پۈتۈلگەن يازمىلارغا قاراڭلار! ئەگەر ئۇلار بۇ تەلىملەر بويىچە سۆزلىمىسە، ئۇلار تاڭ نۇرىنى كۆرەلمەيدۇ. ئۇلار بۇ زېمىندا قاتتىق ئازابلىنىدۇ، ئاچ-يالىڭاچ قالىدۇ. بۇ چاغدا ئۇلار قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئاسمانغا قاراپ پادىشاھىغا ۋە خۇداغا لەنەت ئوقۇيدۇ. ئۇلار ئەتراپىغا قاراپ، پەقەت ئازاب، قاراڭغۇلۇق ۋە قورقۇنچلۇق كۈلپەتنى كۆرىدۇ. ئۇلار تۇم قاراڭغۇلۇققا تاشلىنىدۇ. لېكىن ئەمدى بۇ كۈلپەتلىك زېمىندا ئازاب ئۇزاق داۋاملاشمايدۇ. بۇرۇن پەرۋەردىگار زەبۇلۇن ۋە نافتالى زېمىنلىرىنى شەرمەندىچىلىكتە قويغانىدى. بىراق كېيىنچە، ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى يولدىن تارتىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى يەرلەر ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەر تۇرىدىغان جەلىلىيەگىچە شان-شەرەپكە تولدۇرىدۇ. قاراڭغۇلۇقتا يۈرگەنلەر پارلاق يورۇقلۇقنى كۆرىدۇ، قاراڭغۇ زۇلمەتتە ياشىغانلارنىڭ ئۈستىگە نۇر چۈشىدۇ. ئى خۇدا، سەن خەلقنى كۆپەيتكەنسەن. سەن ئۇلارغا كۆپ خۇرسەنلىك ئاتا قىلغانسەن، ئۇلار سېنىڭ ھۇزۇرۇڭدا شادلىنىدۇ، خۇددى ھوسۇل ئالغاندا شادلىققا تولغانغا ئوخشاش، خۇددى ئولجىلارنى بۆلۈشكەن چاغدا شادلىققا چۆمگەنگە ئوخشاش. بۇ خەلقنىڭ بوينىدىكى ئېغىر بويۇنتۇرۇقنى ئېلىپ تاشلىغانسەن، يەلكىسىدىكى زۇلۇم تايىقىنى ۋە زالىملارنىڭ كالتىكىنى مىدياننى مەغلۇپ قىلغانغا ئوخشاش سۇندۇرۇپ تاشلىغانسەن. لەشكەرلەرنىڭ ئۇرۇشتا كىيگەن ئۆتۈكلىرى، قانغا مىلەنگەن كىيىم-كېچەكلىرى يېقىلغۇ ئورنىدا كۆيدۈرۈلىدۇ. بىز ئۈچۈن بىر بالا تۇغۇلىدۇ، بىزگە بىر ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىنىدۇ. ھاكىمىيەت ئۇنىڭ زىممىسىدە بولىدۇ، ئۇنىڭ نامى ئاجايىپ مەسلىھەتچى، قۇدرەتلىك خۇدا، مەڭگۈلۈك ئاتا، تىنچلىقنىڭ شاھى، دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى ۋە تىنچلىقى چەكسىز ئۇزۇن بولىدۇ، ئۇ داۋۇتنىڭ تەختىدە ئولتۇرۇپ، ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ مەڭگۈگە داۋاملىشىدۇ. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بۇنى جان دىلى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ! پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا قارشى بىر ھۆكۈم چۈشۈردى، ئۇنىڭ بۇ ھۆكۈمى ئىسرائىللارغا يېتىپ كەلدى. شىمالدىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىدا ۋە ئۇنىڭ پايتەختى سامارىيەدە ياشايدىغان بارلىق خەلق بۇنىڭدىن خەۋەر تاپتى. ئۇلار ھاكاۋۇرلۇق بىلەن ماختىنىپ مۇنداق دېدى: «خام كېسەكتىن ياسالغان ئۆيلىرىمىز ئۆرۈۋېتىلگەن بولسىمۇ، بىز ئۇنى سىلىقلانغان تاشتىن قايتىدىن ياسىۋالىمىز. ئەنجۇر دەرەخلىرىمىز كېسىۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا كېدىر دەرەخلىرىنى تىكىۋالالايمىز.» بىراق پەرۋەردىگار رىزىن پادىشاھنىڭ دۈشمەنلىرىنى ئىسرائىللارغا قارشى ئەۋەتىدۇ، ئىسرائىللارنىڭ باشقا رەقىبلىرىنىمۇ ئۇلارغا قارشى قوزغايدۇ. شەرقتە سۈرىيەلىكلەر، غەربتە فىلىستىيەلىكلەر ئېغىزلىرىنى يوغان ئېچىپ ئىسرائىلىيەنى يۇتۇۋالىدۇ. شۇنداقتىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بېسىلمايدۇ، ئۇ كۆتۈرگەن قولىنى يەنىلا چۈشۈرمەيدۇ. ئەمما بۇ خەلق جازالىنىپ بولۇپمۇ يەنە توۋا قىلمايدۇ. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتىشنى خالىمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار بىر كۈندىلا باش ۋە قۇيرۇقنى، يەنى خورما دەرىخى ۋە قومۇشلارنى كېسىپ تاشلايدۇ. ئاقساقاللار ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەرلەر باش بولسا، ساختا پەيغەمبەرلەر قۇيرۇقتۇر. بۇ ئەلنىڭ ئاقساقاللىرى خەلقنى ئازدۇردى، ئازدۇرۇلغان بۇ خەلق ۋەيران قىلىندى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىمانسىز رەزىل بولدى، ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدىن ئەخمىقانە سۆزلەر چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ يىگىتلىرىدىن خۇرسەن بولمايدۇ، يېتىم بالىلار ۋە تۇل ئاياللارغىمۇ ئىچ ئاغرىتمايدۇ. شۇنداقتىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بېسىلمايدۇ، ئۇ كۆتۈرگەن قولىنى يەنىلا چۈشۈرمەيدۇ. بۇ رەزىللىك ئوتقا ئوخشاش كۆيۈپ كېتىدۇ، بۇ ئوت ئازغان ۋە تىكەنلەرنى يالماپ كېتىدۇ. كېيىن ئۇ قويۇق ئورمانلارغىمۇ تۇتىشىپ، قويۇق ئىس-تۈتەك بولۇپ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلىدۇ. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىدىن زېمىن كۆيدۈرۈلىدۇ، بۇ رەزىل خەلق ئوتقا يېقىلغۇ بولىدۇ، ھېچكىم بىر-بىرىگە ئىچ ئاغرىتمايدۇ. ئوڭ تەرەپتە كىشىلەر گۆش پارچىلايدۇ، بىراق ئۇلار يەنىلا ئاچ يۈرىدۇ. سول تەرەپتە كىشىلەر يالماپ يۇتىدۇ، بىراق يەنىلا تويمايدۇ. ھەركىم بىر-بىرىنى تالاپ، گۆشىنى يەيدۇ. ماناسسە قەبىلىسى ئەفرايىم قەبىلىسىنى يەيدۇ، ئەفرايىم ماناسسەنى يەيدۇ، ئۇ ئىككىسى بىرلىشىپ يەھۇدىيەگە قارشى چىقىدۇ. شۇنداقتىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بېسىلمايدۇ، ئۇ كۆتۈرگەن قولىنى يەنىلا چۈشۈرمەيدۇ. ئادالەتسىز قانۇنلارنى تۈزگۈچىلەرنىڭ، ناھەق تۈزۈملەرنى چىقارغۇچىلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار نامراتلاردىن ئادالەتنى تارتىۋالدى. خەلقىم ئارىسىدىكى ئاجىزلارنى ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلدى، ئۇلار تۇل خوتۇن ۋە يېتىم بالىلارنى بۇلىدى. سىلەرنى جازالايدىغان كۈن كەلگەندە، يىراقتىن بالا-قازا كەلسە قانداق قىلارسىلەر؟ كىمنىڭ يېنىغا قېچىپ بېرىپ، ياردەم تىلەيسىلەر؟ يىغقان مال-مۈلۈكۈڭلارنى قەيەرگە قويارسىلەر؟ ئۇ چاغدا سىلەرنىڭمۇ باشقا ئەسىرلەرگە ئوخشاش تىز پۈكۈشتىن باشقا ئامالىڭلار يوق، ياكى ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەرگە ئوخشاش ئۆلىسىلەر. شۇنداقتىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بېسىلمايدۇ، ئۇ كۆتۈرگەن قولىنى يەنىلا چۈشۈرمەيدۇ. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئاسسۇرلار، سىلەر قەھرىمنىڭ كالتىكى، غەزىپىمنىڭ ھاسىسىدۇرسىلەر، سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي! مەن ئاسسۇرلارنى ئىتائەتسىز خەلقنى جازالاشقا ئەۋەتىمەن، مېنى غەزەپلەندۈرگەن بۇ ئىسرائىل خەلقىگە ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇيمەن. ئاسسۇرلار ئۇلارنى بۇلاپ، مال-مۈلۈكىنى ئېلىپ كېتىدۇ، ئۇلارنى كوچىدىكى پاتقاقنى پېتىقلىغاندەك پېتىقلايدۇ. ئەمما ئاسسۇر پادىشاھى مېنىڭ ئۆزىنى ئەۋەتىدىغىنىمنى بىلمەيدۇ، ئۇ كۆڭلىدىمۇ بۇنداق ئويلىمايدۇ. ئۇ پەقەت باشقا خەلقلەرنى ۋەيران قىلىشنى ئويلايدۇ، ئۇ پەقەت باشقا ئەللەرنى مەغلۇپ قىلىشنى ئويلايدۇ. ئۇ: ‹مېنىڭ بارلىق سەركەردىلىرىم پادىشاھتەك قۇدرەتلىكقۇ؟! بىز كالنو شەھىرىنى خۇددى كاركىمىش شەھىرىدەك ۋەيران قىلمىدۇقمۇ؟! بىز خامات شەھىرىنى خۇددى ئارپاد شەھىرىدەك ۋەيران قىلمىدۇقمۇ؟! بىز يەنە سامارىيە شەھىرىنى خۇددى دەمەشق شەھىرىدەك ۋەيران قىلمىدۇقمۇ؟! مېنىڭ قۇدرىتىم، بۇتلار قاپلاپ كەتكەن پادىشاھلىقلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى، ئۇلارنىڭ ئويما بۇتلىرى يېرۇسالېم بىلەن سامارىيەنىڭ بۇتلىرىدىن ئۇلۇغ ئىدى. مەن خۇددى سامارىيە شەھىرىنى ئۇنىڭ بۇتلىرى بىلەن قوشۇپ مەغلۇپ قىلغاندەك، مەن يېرۇسالېمنىمۇ ئۇنىڭ بۇتلىرى بىلەن قوشۇپ مەغلۇپ قىلىمەن› دەپ ئويلايدۇ.» پەرۋەردىگار ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ قولى بىلەن سىئون تېغى ۋە يېرۇسالېمنى جازالاپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئاسسۇر پادىشاھىنى ئۇنىڭ ماختانچاقلىقى ۋە ھاكاۋۇرلۇقى ئۈچۈن جازالايدۇ. پادىشاھ ماختىنىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۆز قۇدرىتىم بىلەن بۇ ئىشلارنى قىلدىم، ئۆز ئەقلىم بىلەن بۇ ئىشلارنى پىلانلىدىم، مەن شۇنداق ئەقىللىقتۇرمەن! دۆلەتلەر ئارىسىدىكى پاسىللارنى يوقاتتىم، ئۇلارنىڭ مال-دۇنياسىنى تارتىۋالدىم. مەن خۇددى غايەت كۈچلۈك پالۋانغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ تەختتىكى پادىشاھلىرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدىم. مەن خۇددى قۇش چاڭگىسى تېپىۋالغاندەك، بۇ دۆلەتلەرنىڭ بايلىقىنى تاپتىم. خۇددى چاڭگىدىكى تۇخۇملارنى ئالغاندەك، بۇ دۆلەتلەرنىڭ بايلىقلىرىنى ئېلىۋېلىش شۇنداق بولدى. ھېچبىر قۇش ماڭا قارشى قانات قاقالمىدى، ئاغزى ئوچۇق بولسىمۇ ئاۋاز چىقىرالمىدى.» لېكىن پالتا قانداقمۇ ئۆزىنى ئىشلەتكۈچىگە «مەن سەندىن كۈچلۈك» دەپ ماختانسۇن؟! ھەرە قانداقمۇ ئۆزىنى «مەن ئىشلەتكۈچىدىن مۇھىم» دەپ ئويلىسۇن؟! توقماق ئۆزىنى تۇتقۇچىنى قانداقمۇ پۇلاڭلىتالىسۇن؟! ھاسا قانداقمۇ بىر ئادەمنى كۆتۈرەلىسۇن؟! شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئاسسۇرلارغا ئۇلارنىڭ پالۋانلىرىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان كېسەل ئەۋەتىدۇ، ئاسسۇرلارنىڭ شۆھرىتىنى لاۋىلداۋاتقان ئوت يالقۇنى يالماپ كېتىدۇ. ئىسرائىللارنىڭ نۇرى بولغان پەرۋەردىگار ئوتقا ئايلىنىدۇ، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا يالقۇنغا ئايلىنىدۇ، ئاسسۇردىن ئىبارەت بۇ تىكەن ۋە ئازغانلار بىر كۈندىلا كۆيدۈرۈپ تاشلىنىدۇ. ئاسسۇرلارنىڭ قويۇق ئورمانلىقى ۋە مۇنبەت ئېتىزلىرى تۈگىشىدۇ، خۇددى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ئاجىزلاپ كەتكەن كىشىدەك بولۇپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئورمانلىقىدا دەرەخلەر شۇنچىلىك ئاز قالىدۇكى، ھەتتا بىر كىچىك بالىمۇ ئۇلارنى سانىيالايدۇ. شۇ چاغدا ئىسرائىللارنىڭ قالغان ئاز بىر قىسمى، يەنى ياقۇپنىڭ ھايات قالغان ئەۋلادلىرى ئۆزلىرىنى مەغلۇپ قىلماقچى بولغان ئاسسۇرلارغا تايانماي، ئۆزلىرىنى پۈتۈنلەي پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغا تاپشۇرىدۇ. مۇشۇ ئاز بىر قىسىم ئىسرائىللارلا قايتىپ كېلىدۇ. شۇنداق، ياقۇپنىڭ بۇ ھايات قالغان ئەۋلادلىرى قۇدرەتلىك خۇدانىڭ يولىغا قايتىپ كېلىدۇ. ئەي ئىسرائىللار! سىلەرنىڭ خەلقىڭلار دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئاز بىر قىسمىڭلارلا يۇرتىڭلارغا قايتالايسىلەر. سىلەرنىڭ گۇمران بولۇشۇڭلارنى خۇدا ئاللىقاچان قارار قىلغان، مانا بۇ ئادىللىقتۇر. شۇنداق، ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار پۈتكۈل زېمىننى ئۆزىنىڭ ئالدىن قىلغان قارارى بويىچە گۇمران قىلىۋېتىدۇ. شۇڭا، ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي سىئوندا ياشاۋاتقان خەلقىم، ئاسسۇرلارنىڭ مىسىرلىقلارغا ئوخشاش سىلەرنى كالتەك ۋە قامچا بىلەن ئۇرغىنىدىن قورقۇپ كەتمەڭلار. ئۇزۇن ئۆتمەي مېنىڭ سىلەرگە بولغان غەزىپىم بېسىلىدۇ، شۇ چاغدا مەن ئاسسۇرلارغا غەزەپ ياغدۇرۇپ، ئۇلارنى ۋەيران قىلىمەن. مەنكى، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۇلارنى، خۇددى مىديانلارنى ‹ئورېب قورام تېشى›دا قامچام بىلەن قاتتىق ساۋىغاندەك ساۋايمەن. ھاسامنى خۇددى سىلەر مىسىردىن چىققاندا دېڭىزدىن قۇرۇق يول ئېچىپ بەرگەندە كۆتۈرگەندەك كۆتۈرىمەن. شۇ كۈنى كەلگەندە، مەن پەرۋەردىگار سىلەرنى ئاسسۇرلارنىڭ زۇلمىدىن ئازاد قىلىمەن. بوينۇڭلارغا سېلىنغان بويۇنتۇرۇقلار چېقىپ تاشلىنىدۇ. چۈنكى سىلەر كۈچكە تولدۇڭلار.» ئاسسۇرلار ئاييات شەھىرىگە كېلىدۇ، مىگرون شەھىرىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، مىكماس شەھىرىدە لەشكىرىي لازىمەتلىكلىرىنى قالدۇرۇپ قويىدۇ، ئۇلار تاغ داۋىنىدىن ئۆتۈپ، گەبا شەھىرىدە قونىدۇ. راماھ شەھىرىنىڭ خەلقى قورقۇشۇپ، تىترەپ كېتىدۇ، پادىشاھ سائۇلنىڭ گېبئاھ شەھىرىدىكى خەلقمۇ قېچىپ كېتىدۇ. ئەي، گاللىم شەھىرىنىڭ خەلقى، ياردەم چاقىرىڭلار! لايشاھ شەھىرىدىكىلەر، سىلەرمۇ ئاڭلاڭلار، ئەي، بىچارە ئاناتوت شەھىرىدىكىلەر، مادمېنا شەھىرىدىكى خەلقلەر قاچىدۇ، گېبىم شەھىرىدىكىلەر قېچىپ پاناھلىنىدۇ. بۈگۈن ئاسسۇرلار نوب شەھىرىدە توختايدۇ، ئۇلار يېرۇسالېمدىكى، يەنى سىئون تېغىدىكى خەلققە مۇشت كۆتۈرىدۇ. قارا، ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆز قۇدرىتى بىلەن شاخلارنى قىرقىپ تاشلايدۇ! ئېگىز دەرەخلەرنى كېسىپ تاشلايدۇ، ھاكاۋۇر ئاسسۇرلار يەرگە يىقىتىلىدۇ. پەرۋەردىگار ئۇلارنى، خۇددى لىۋاننىڭ ئېگىز دەرەخلىرىنى يىقىتىپ تاشلىغاندەك، يىقىتىپ تاشلايدۇ، ئورمانلىقتىكى دەرەخلەرنى چاپقاندەك، پالتا بىلەن چېپىپ تاشلايدۇ. خۇددى كۆتەكتىن ئۈنۈپ چىققان نوتىدەك، يىشاينىڭ يىلتىزىدىن بىر كۆچەت يېتىلىپ چىقىپ، مېۋە بېرىدۇ. پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭغا چۈشىدۇ، ئۇنىڭغا ئەقىل ۋە ئىدراك بېرىدۇ، ئۇنىڭغا مەسلىھەت ۋە كۈچ-قۇدرەت بېرىدۇ، ئۇنىڭغا بىلىم ۋە ئىتائەتمەنلىك ئاتا قىلىدۇ. ئۇ، پەرۋەردىگارغا بولغان ئىتائەتمەنلىكىدىن شادلىنىدۇ، ئۇ، كىشىنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە قاراپ ھۆكۈم چىقارمايدۇ، ياكى پىتنە-ئىغۋالارغا ئاساسەن قارار چىقارمايدۇ. ئۇ كەمبەغەللەرگە ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئاجىزلارغا ئادىللىق بىلەن قارار چىقىرىدۇ. ئۇ سۆزلىرى بىلەن ئادەملەرنى كالتەكلەيدۇ، ئۇ نەپىسى ئارقىلىق رەزىل ئادەملەرنى ئۆلتۈرىدۇ. ھەققانىيلىق ئۇنىڭ كەمىرىدۇر، سادىقلىق ئۇنىڭ بەلبىغىدۇر. شۇ چاغدا بۆرە بىلەن قوزا بىللە ياشايدۇ، يىلپىز بىلەن ئۆچكىچاق بىللە ياتىدۇ، مۇزاي بىلەن شىر بىللە ئوتلايدۇ، كىچىك بالا ئۇلارنى يېتىلەپ يۈرىدۇ. كالا بىلەن ئېيىق بىللە ئوتلايدۇ، ئۇلارنىڭ بالىلىرى بىللە ياتىدۇ، شىر كالىغا ئوخشاش سامان يەيدۇ. بوۋاقلار كۆزەينەكلىك يىلان ئۇۋىسى يېنىدا ئوينايدۇ، بالىلار زەھەرلىك يىلان ئۇۋىسىغا قولىنى تىقىپ ئوينايدۇ. پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس تېغى سىئوننى ھېچنېمە گۇمران قىلالمايدۇ. خۇددى سۇلار دېڭىزنى تولدۇرغاندەك، پۈتۈن يەر يۈزى پەرۋەردىگارنى بىلىدىغان بىلىم بىلەن تولدۇرۇلىدۇ. شۇ چاغدا يىشاينىڭ يىلتىزىدىن چىققان بۇ پادىشاھ تۇغ بولۇپ خەلقنى يېتەكلەيدۇ. باشقا ئەللەر ئۇنىڭ قېشىغا بېرىشقا ئىنتىلىدۇ. ئۇ تۇرىدىغان يەر شان-شەرەپكە تولىدۇ. شۇ چاغدا پەرۋەردىگار قولىنى ئىككىنچى قېتىم كۆتۈرۈپ، قېلىپ قالغان بۇ ئاز بىر قىسىم خەلقنى قۇتقۇزىدۇ، يەنى ئۇلارنى ئاسسۇرىيەدىن، مىسىردىن، پاتروستىن، ئېفىيوپىيەدىن، ئېلامدىن، بابىلدىن، خاماتتىن ۋە ئوتتۇرا دېڭىز قىرغاقلىرىدىن قايتۇرۇپ كېلىدۇ. پەرۋەردىگار شۇ ئەللەردە تۇغ چىقىرىپ، سۈرگۈن قىلىنغان ئىسرائىللارنى ئۇيۇشتۇرىدۇ. ئۇ يەھۇدىيەنىڭ چېچىلىپ كەتكەن خەلقىنى يەر يۈزىنىڭ تۆت تەرىپىدىن يىغىپ كېلىدۇ. ئىسرائىلىيە يەھۇدىيەگە ھەسەتخورلۇق قىلمايدىغان بولىدۇ، يەھۇدالارغا زىيانكەشلىك قىلىشمۇ توختىتىلىدۇ، ئىسرائىللار يەھۇدالارغا قىزغانچۇقلۇق قىلمايدىغان بولىدۇ، يەھۇدالار مۇ ئىسرائىللارغا زىيانكەشلىك قىلىشنى توختىتىدۇ، ئىسرائىللار بىلەن يەھۇدالار بىرلىشىپ، غەربتىكى فىلىستىيەلىكلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى خەلقلەرنى تالان-تاراج قىلىدۇ. ئۇلار ئىدوم ۋە مۇئابلارنى بويسۇندۇرىدۇ، ئاممونلار ئۇلارغا ئىتائەت قىلىدۇ. پەرۋەردىگار مىسىرنىڭ دېڭىز قولتۇقىنى پۈتۈنلەي قۇرۇتىۋېتىدۇ، ئۇ فىرات دەرياسىدا ئىسسىق شامال چىقىرىپ، كىشىلەرنىڭ قۇرۇقلۇققا ئۆتۈشى ئۈچۈن ئۇنى يەتتە تارماق ئېقىنغا ئايرىۋېتىدۇ. خۇددى ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندا بىر يول ئېچىلغاندەك، پەرۋەردىگارنىڭ قېپقالغان ئاز بىر قىسىم خەلقىگىمۇ ئاسسۇرىيەدىن بىر يول ئېچىلىدۇ. شۇ چاغدا يېرۇسالېم خەلقى مۇنداق دەيدۇ: «شۈكۈر ئېيتىمەن ساڭا پەرۋەردىگار، گەرچە سەن ماڭا غەزەپلەنگەن بولساڭمۇ، يېنىپ ھازىر سەن غەزىپىڭدىن، بەردىڭ ماڭا تەسەللى. بەرھەق، خۇدا قۇتقۇزغۇچىمدۇر! ئۇ مېنىڭ ئىشەنچىمدۇر، قورقمايمەن ھېچنېمىدىن. چۈنكى پەرۋەردىگار مېنىڭ مۇناجىتىم ۋە كۈچ-قۇدرىتىمدۇر، ئۇ مېنىڭ ھەم نىجاتكارىمدۇر.» سىلەر خۇشاللىق بىلەن نىجاتلىق قۇدۇقىدىن سۇ ئېلىڭلار. ئۇ كۈنى سىلەر مۇنداق دەيسىلەر: «شۈكۈر ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا، مەدھىيە ئوقۇڭلار ئۇنىڭ نامىغا. ئۇنىڭ قىلغان بۈيۈك ئىشلىرىنى جاكارلاڭلار بارچە ئەللەرگە، ئۇنىڭ قۇدرەتلىكلىكىنى بىلدۈرۈڭلار ئۇلارغا! ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا، چۈنكى ئۇ قىلدى ئاجايىپ ئىشلارنى. جاكارلانسۇن بۇ ئىشلار ھەم پۈتۈن يەر يۈزىگە! ئەي، سىئوندىكى پۇقرالار، ياڭرىتىڭلار بار ئاۋازىڭلار بىلەن شادلىق مەدھىيەسىنى، چۈنكى ئۇلۇغدۇر بىز ئىسرائىللارنى تاللىغان، بىز بىلەن بىللە بولىدىغان مۇقەددەس پەرۋەردىگار.» ئاموزنىڭ ئوغلى يەشاياغا بابىل توغرىسىدا ۋەھىي كەلدى: پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر چاقىرىق قىلىش ئۈچۈن تاقىر تاغدا تۇغ تىكلەڭلەر، قوللىرىڭلارنى پۇلاڭلىتىپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئۇلارغا چاقىرىق قىلىڭلار. ئۇلار شاھزادىلەرنىڭ ئوردا دەرۋازىلىرىغا ھۇجۇم قىلسۇن! مەن ئۆزۈم تاللىغان قوشۇنۇمغا پەرمان قىلدىم، غەزىپىمنى ياغدۇرۇش ئۈچۈن لەشكەرلىرىمگە چاقىرىق قىلدىم. لەشكەرلىرىم پەخىرلىنىپ، غەلىبەمدىن شادلىنىدۇ.» قۇلاق سېلىڭلار تاغلاردىن كەلگەن سادالارغا، ئۇ غايەت زور خەلقنىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىرىگە ئوخشايدۇ، قۇلاق سېلىڭلار پادىشاھلىقلاردىكى نەرە تارتقان ئاۋازلارغا، نۇرغۇن ئەللەرنىڭ بىرلىشىشدىن يىغىلغان ئاۋازلارغا، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۇرۇش ئۈچۈن قوشۇن توپلاۋاتىدۇ. ئۇلار يىراق يەردىن كېلىدۇ، زېمىننىڭ ئۇ چېتىدىن كېلىدۇ. پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ غەزەپلىك قوراللىرى بىلەن كېلىۋاتىدۇ، پۈتۈن زېمىننى گۇمران قىلىش ئۈچۈن كېلىۋاتىدۇ. ھەممىڭلار پەرياد چېكىسىلەر! چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ جازا كۈنى كېلىشكە ئاز قالدى. ئۇ كۈن قادىر خۇدا ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان كۈن بولىدۇ. ھەممە ئادەمنىڭ پۇت-قوللىرىدا جان قالمايدۇ، ھەممە ئادەمنىڭ يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ كېتىدۇ. ئۇلار ئالاقزادىلىكتە قالىدۇ، ئازاب ۋە غەم-غۇسسە ئۇلارنى چىرمىۋالىدۇ. ئۇلار تولغاق ئازابىدىكى ئايالدەك قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئۇلارنىڭ چىرايى قورقۇنچلۇق تۈس ئېلىپ، بىر-بىرىگە ۋەھىمىلىك ھالدا قارايدۇ. قاراڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ جازا كۈنى كېلەي دەپ قالدى. بۇ شەپقەتسىز كۈن، چەكسىز غەزەپ ۋە رەھىمسىزلىككە تولغاندۇر. ئۇ زېمىننى خارابىلىككە ئايلاندۇرىدۇ ۋە گۇناھكارلارنى گۇمران قىلىدۇ. ئاسماندىكى يۇلتۇزلار ۋە يۇلتۇز تۈركۈملىرى ئۆز يورۇقلۇقىنى چۈشۈرمەيدۇ. قۇياش قاپقارا بولۇپ چىقىدۇ، ئايمۇ يورۇقلۇق بەرمەيدۇ. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن دۇنيانى ئۇنىڭ رەزىللىكى ئۈچۈن جازالايمەن، رەزىل ئادەملەرنى ئۆز گۇناھى ئۈچۈن جازالايمەن. مەن كۆرەڭلەپ، مەغرۇرلانغانلارنى پەسلەشتۈرىمەن. شەپقەتسىزلەرچە غادايغانلارنى يەرگە ئۇرىمەن. ئىنسانلار زېمىندا ئازىيىپ، ئالتۇندىنمۇ تەستە تېپىلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ، ئادەملەرنى ئوفىرنىڭ ئالتۇنلىرىدەك ئازايتىۋېتىمەن. بۇ مېنىڭ ئاسماننى تىترىتىپ، زېمىننى تەۋرىتىپ، ئۆز ئورنىدىن قوزغىتىشىمنىڭ سەۋەبىدۇر. شۇ كۈنى مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ھەممىگە رەھىمسىزلەرچە غەزىپىمنى چاچىمەن.» شۇ كۈنى ئەھۋال شۇنداق بولىدۇكى: بۆكەن ئوۋچىدىن قاچقاندەك، قويلار پىتىراپ كەتكەندەك، ھەممە ئادەم ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ ۋە ئۆز زېمىنىگە قاچىدۇ. تېپىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە نەيزە سانجىلىدۇ، تۇتۇلغانلارنىڭ ھەممىسى قىلىچتىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇششاق بالىلىرى كۆز ئالدىدىلا يەرگە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى بۇلاپ-تالىنىدۇ، خوتۇنلىرى دەپسەندە قىلىنىدۇ. «مەن مىدىيالىقلارنى بابىللارغا قارشى ئاتلاندۇرىمەن. ئۇلار كۈمۈشكە قىزىقمايدۇ، ئالتۇنغا قاراپمۇ قويمايدۇ. ئۇلار ئوقيالىرى بىلەن يىگىتلەرنى ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ. ئۇلار بوۋاقلارغا ئىچ ئاغرىتىپ ئولتۇرمايدۇ، بالىلارغا رەھىم-شەپقەت قىلمايدۇ.» بابىل باشقىلار ئەڭ ھەۋەسلەنگەن پادىشاھلىق ئىدى، بابىللارنىڭ شان-شۆھرىتى ۋە ئىپتىخارى ئىدى. ئۇ پەرۋەردىگار تەرىپىدىن گۇمران قىلىنىدۇ، خۇددى سودوم ۋە گومورادەك. بۇ يەردە ئەمدى ئادەم تۇرمايدۇ، كەلگۈسىدىكى ئىنسانلارمۇ بۇ يەردە ياشىمايدۇ. كۆچمەنلەر بۇ يەرگە كەپىلىرىنى قۇرمايدۇ، پادىچىلارمۇ قويلىرىنى بۇ يەردە باقمايدۇ. بۇ يەر چۆل جانلىقلىرىنىڭ ماكانىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە ھۇۋقۇشلار تولۇپ كېتىدۇ. ئۇ يەردە تۆگە قۇشلار ياشايدۇ، ياۋا ئۆچكىلەر تاقلاپ يۈرىدۇ. بابىلنىڭ قورغانلىرى ياۋا ئىتلار ھۇۋلىشپ يۈرىدىغان ماكان بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئوردىلىرى چىلبۆرىلەرنىڭ يايرايدىغان ماكانى بولىدۇ. بابىلنىڭ ۋاقتى توشۇپ قالدى، ئۇنىڭغا ئەمدى ئۇزۇن ۋاقىت بېرىلمەيدۇ. پەرۋەردىگار ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئىسرائىللارنى قايتىدىن يەنە ئۆزىنىڭ خەلقى قىلىپ تاللايدۇ. پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۆز زېمىنىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، شۇنداقلا باشقا خەلقلەر كېلىپ ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا قوشۇلۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇ خەلقلەر ئىسرائىللارنى، ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئۆز زېمىنىغا باشلاپ كېلىدۇ. ئىسرائىللارنىڭ زېمىنىغا ياشاش ئۈچۈن كەلگەن بۇ خەلقلەر ئىسرائىللارغا خىزمەت قىلىدۇ. ئىسرائىللار بۇرۇن ئۆزلىرىنى ئەسىر قىلغانلارنى ئەسىر قىلىدۇ، ئۆزلىرىنى ئەزگەنلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. پەرۋەردىگار سىلەرنى ئازاب-ئوقۇبەتتىن، قالايمىقانچىلىقتىن، رەھىمسىز قۇللۇقنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلدۇرغان كۈندە، سىلەر بابىل پادىشاھىنى مۇنۇ سۆزلەر بىلەن مەسخىرە قىلسىلەر: بۇ زوراۋان قانداق تۈگەشتى-ھە! ئۇنىڭ مۇشتۇمزورلۇقى قانداق ئاخىرلاشتى-ھە! پەرۋەردىگار رەزىللەرنىڭ كۈچىنى بىتچىت قىلدى، زوراۋان ھۆكۈمدارلارنىڭ سەلتەنەت ھاسىلىرىنى سۇندۇردى. ئۇلار قەھر-غەزەپ بىلەن توختىماي ھۇجۇم قىلىپ ئەللەرنى يوقاتقان، خەلقلەرگە قەھر-غەزەپ بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئۇلارنى ھىسابسىز ئەزگەن. ئەمما ھازىر پۈتكۈل زېمىن تىنچلىنىپ، ئارام ئالدى. خەلقلەر خۇشاللىق بىلەن تەنتەنە قىلدى. ئەي، بابىل پادىشاھى! لىۋاننىڭ كىپارىس ۋە كېدىر دەرەخلىرى سېنىڭ ئاقىۋىتىڭدىن چەكسىز شادلىنىدۇ. ئۇلار: «سېنى يوقاتقاندىن كېيىن ھېچكىم كېلىپ بىزنى كەسمەيدۇ» دەيدۇ. يەر ئاستىدىكى ئۆلۈكلەر دۇنياسى سېنى خۇشال قارشى ئالىدۇ، بۇرۇن يەر يۈزىدە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئۆلۈكلەرنى ئويغىتىدۇ، بۇرۇنقى پادىشاھلار چىرىگەن تەختلىرىدىن قوپۇپ سېنى كۈتۈۋالىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى سېنى مەسخىرە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «سەنمۇ بىزدەك بىچارە بولدۇڭ! سەنمۇ بىزنىڭ سېپىمىزگە قېتىلدىڭ!» سېنىڭ ھەيۋەڭ سەن بىلەن بىللە ئۆلۈكلەر دۇنياسىغا كىرىپ كەتتى. سېنىڭ مۇزىكىلىق تاماشىلىرىڭمۇ سەن بىلەن بىللە دەپنە قىلىندى. سەن ئەمدى قۇرت-قوڭغۇزلارنى سېلىنچا ۋە يېپىنچا قىلىسەن. سەن قانداق بولۇپ كۆكتىن يىقىلدىڭ؟! سەن ئاسماندىكى يورۇق يۇلتۇز، تاڭنىڭ نۇرى ئەمەسمىدىڭ؟! قانداق بولۇپ يەرگە چۈشۈپ كەتتىڭ؟! سەن يەر يۈزىدىكى دۆلەتلەرنى گۇمران قىلغان ئەمەسمىدىڭ؟! سەن ئۆز-ئۆزۈڭگە شۇنداق دېگەنىدىڭ: «مەن ئەرشكە چىقىپ، خۇدانىڭ يۇلتۇزلىرىنىڭ ئۈستىگە تەخت قۇرىمەن. مەن ھامان ئىلاھلار يىغىلىدىغان شىمالدىكى تاغنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرىمەن. مەن بۇلۇتلارنىڭ ئۈستىگە يامىشىپ چىقىمەن، مەن ئۇلۇغ خۇداغا ئايلىنىمەن!» ئەمما سەن ئۆلۈكلەر دۇنياسىغا تاشلاندىڭ، ئۆلۈكلەر دۇنياسىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاراڭغۇ يېرىگە تاشلاندىڭ. ئۇ يەردە سېنى كۆرگەنلەر ساڭا تىكىلىپ قارايدۇ ۋە ساڭا نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئويلاپ، مۇنداق دەيدۇ: «بۇ، يەر يۈزىنى تەۋرەتكەن ۋە پادىشاھلىقلارنى تىترەتكەن ھېلىقى ئادەم ئەمەسمۇ؟ بۇ ئادەم دۇنيانى قاقاسلىققا ئايلاندۇرغان، شەھەرلەرنى خاراب قىلىۋەتكەن ئەمەسمۇ؟ ئەسىرلەرنى قاماپ قويۇپ، ئۆيلىرىگە قايتۇرمىغان كىشى شۇ ئەمەسمۇ؟» بارلىق ئەللەرنىڭ پادىشاھلىرى شان-شۆھرىتى بىلەن ئۆز قەبرىسىدە ياتىدۇ. ئەمما سەن خۇددى قەدىرسىز شاخ-شۇمبىدەك قەبرەڭدىن تارتىپ چىقىرىلىسەن. سەن خۇددى دەسسەپ چەيلەنگەن جەسەتلەردەك، ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن بىللە جەسەت ئازگاللىرىغا تاشلىۋېتىلىسەن. ئۇ يەرنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاراڭغۇ يېرى سېنىڭ جايىڭ بولىدۇ. سەن باشقا پادىشاھلارغا ئوخشاش دەپنە قىلىنمايسەن، چۈنكى سەن ئۆز زېمىنىڭنى ۋە خەلقىڭنى ۋەيرانچىلىققا دۇچار قىلغان. بۇنداق رەزىللەرنىڭ ئەۋلادى مەڭگۈ تىلغا ئېلىنمىغاي! بۇ ئادەمنىڭ ئوغۇللىرىنى يوقىتىشقا تەييار تۇرۇڭلار. ئۇلار ئۆز ئەجدادلىرىنىڭ گۇناھى ئۈچۈن ئۆلسۇن. ئۇلار يەنە قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، يەر يۈزىنى ئىشغال قىلىۋالمىسۇن. يەر يۈزىنى ئۆز شەھەرلىرى بىلەن تولدۇرمىسۇن! قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن بابىلغا قارشى ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇنىڭ نامىنى، قېپقالغان خەلقىنى ۋە ئەۋلادلىرىنى يوقىتىمەن.» بۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «مەن بابىلنى ياۋايى ھايۋانلار ماكانىغا، شۇنداقلا سازلىققا ئايلاندۇرۇۋېتىمەن. مەن خۇددى ئەخلەتنى سۈپۈرۈپ تاشلىغانغا ئوخشاش، بابىلنى يوقىتىۋېتىمەن.» قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار قەسەم قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئىشلار خۇددى مەن بۇرۇنلا ئىرادە قىلغىنىمدەك يۈز بېرىدۇ؛ مەن قانداق بولۇشنى ئىرادە قىلغان بولسام، ئىشلارمۇ شۇنداق بولىدۇ. مەن ئۆز خەلقىمنىڭ زېمىنىدا ئاسسۇرلارنى كۇكۇم-تالقان قىلىمەن، خەلقىمنىڭ تاغلىرىدا ئۇلارنى دەسسەپ چەيلەيمەن. ئۇلارنىڭ سالغان قۇللۇق بويۇنتۇرۇقى خەلقىمنىڭ بوينىدىن يۇلۇپ تاشلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكى خەلقىمنىڭ زىممىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ. بۇ مېنىڭ پۈتكۈل يەر يۈزىگە قىلغان ئىرادەم. مېنىڭ قولۇم پۈتكۈل ئەللەرگە سوزۇلدى.» بەرھەق، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىرادە قىلسا، قېنى كىم ئۇنى توسىيالايدۇ؟ ئۇنىڭ قوللىرى گۇمران قىلىشقا تەييارلانسا، قېنى كىم ئۇنى توختىتالايدۇ؟ پادىشاھ ئاخاز ئۆلگەن يىلى پەرۋەردىگاردىن بۇ ۋەھىي كەلدى: «ئەي فىلىستىيەلىكلەر، سىلەر: ‹بىزنى ئۇرىدىغان كالتەك سۇندى› دەپ، ئالدىراپ خۇش بولۇپ كەتمەڭلار! كېيىن چىققان يىلان كۆزەينەكلىك يىلاندۇر. ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان يىلان تېخمۇ زەھەرلىك ئۇچار يىلاندۇر. پېقىر-مىسكىنلەرگە يەيدىغان نېسىۋە بېرىلىدۇ، موھتاجلارمۇ خاتىرجەم ياتىدۇ. لېكىن، مەن پەرۋەردىگار ئاچارچىلىق بىلەن يىلتىزلىرىڭلارنى قۇرۇتىمەن، ھەممىڭلارنى قىرىپ تاشلايمەن. ئەي فىلىستىيەلىكلەر، دەرۋازىلىرىڭلاردا ئولتۇرۇپ نالە-پەرياد قىلىڭلار! شەھەرلىرىڭلاردا ئۆكسۈپ يىغلاڭلار! پۈتكۈل فىلىستىيەلىكلەر، ۋەھىمىگە پېتىڭلار! شىمال تەرەپتىن بىر قارا تۈتەك كېلىدۇ، ئۇ بىرمۇ لەشكىرى سەپتىن چۈشۈپ قالمايدىغان، باستۇرۇپ كېلىۋاتقان قوشۇندۇر. فىلىستىيەلىكلەرنىڭ يېرۇسالېمغا ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىگە قانداق جاۋاب بېرىلىدۇ؟ ‹پەرۋەردىگار سىئوننى مۇستەھكەم شەھەر قىلىپ قۇردى، ئۇنىڭ جاپاكەش خەلقى ئۇ يەردە پاناھلىق تاپىدۇ.›» بۇ، موئاب توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر: موئابتىكى ئار شەھىرى بىر كېچىدىلا خارابىلىككە ئايلاندۇرۇلۇپ، گۇمران قىلىنىدۇ! موئابتىكى قىر شەھىرى بىر كېچىدىلا خارابىلىككە ئايلاندۇرۇلۇپ، گۇمران قىلىنىدۇ! موئابتىكى دىبون شەھىرىنىڭ خەلقى ئۆز بۇتخانىسىغا بارىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سەجدىگاھلىرىغا بېرىپ نالە-پەرياد قىلىپ يىغلىشىدۇ. موئابلار نىبو ۋە مېدىبا شەھەرلىرى ئۈچۈن ھازا ئېچىشىدۇ. ئۇلار مۇسىبەتتە چاچ-ساقاللىرىنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ. ئۇلار كاناپتىن تىكىلگەن ماتەملىك كىيىم كىيىپ كوچىلاردا ھازا تۇتىدۇ. ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىلىرىدە ۋە شەھەر مەيدانلىرىدا ھەممە ئادەم نالە-پەرياد قىلىپ ھازا ئېچىشىدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرى كۆز ياشلىرى بىلەن يۇيۇلىدۇ. خەشبون ۋە ئەلئالى شەھەرلىرىنىڭ خەلقلىرى ياردەم تىلەپ يىغلىشىدۇ، ئۇلارنىڭ يىغا-زار ئاۋازلىرى يىراقتىكى ياھاز شەھىرىگىچە ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. شۇڭا موئاب لەشكەرلىرى قورقۇنچتىن چۇقان سېلىپ، تىترەپ كېتىدۇ. مەنمۇ موئاب ئۈچۈن يىغلايمەن. ئۇنىڭ مۇساپىرلىرى زوئار ۋە ئەگلات-شىلشىيا شەھەرلىرىگە قاچىدۇ. ئۇلار ئېگىزلىكتىكى لۇخىت شەھىرىگە بارغۇچە يىغلاپ ماڭىدۇ. خورونايىم شەھىرىگە بارغۇچە ۋەيرانچىلىقىدىن نالە-پەرياد قىلىپ ماڭىدۇ. نىمرىم بۇلاقلىرى سۇسىز قالىدۇ، ئوت-چۆپلەرمۇ قۇرۇپ كېتىدۇ، يۇمران مايسىلارمۇ سولىشىدۇ، ھەممە يەر قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى توپلىغان ۋە ساقلاپ قالغان بايلىقلىرىنى ئېلىپ، ئارابىم جىلغىسىدىن ئۆتۈپ قاچىدۇ. پۈتكۈل موئاب زېمىنىدا ئۇلارنىڭ نالە-پەريادى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ نالە-زارى ئەگلايىم شەھىرىگىچە يېتىپ بارىدۇ. ئۇلارنىڭ داد-پەريادى بەئەر-ئېلىم شەھىرىگىچە ئاڭلىنىدۇ. دىمون شەھىرىنىڭ دەريالىرى قان بىلەن قىپقىزىل بويىلىپ كېتىدۇ، شۇنداق، پەرۋەردىگار دىمون شەھىرىنىڭ پۇقرالىرىغا تېخىمۇ كۆپ ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ. موئاب زېمىنىدا قېپقالغان ئادەملەر ۋە قېچىپ يۈرگەنلەر شىرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ. سەلا شەھىرىدىن چىقىپ چۆل-باياۋانلارنى كېزىپ، سىئون تېغىغا بېرىپ، زېمىننىڭ ھۆكۈمدارىغا قوينىڭ قوزىلىرىنى تارتۇق قىلىڭلار. موئاب خەلقى ئۇۋىسىدىن قوغلانغان قۇشلارغا ئوخشاش ئارنون دەرياسىدىن قېچىپ ئۆتىدۇ. ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: «نېمە قىلىشىمىزنى بىزگە ئېيتىڭلار، بىزنى قوغداڭلار! سىلەرنىڭ پاناھلىقىڭلار خۇددى چىڭقى چۈشتىكى سايىگە ئوخشايدۇ، بىزدەك قوغلانغانلارنى ئۆز پاناھىڭلارغا ئېلىڭلار، بىزدەك پاناھلىق تىلىگۈچىلەردىن يۈز ئۆرۈمەڭلەر! موئابتىن سەرسان بولۇپ كەلگەن بىزلەرنى ئۆزۈڭلار بىلەن بىللە تۇرۇشقا يول قويۇڭلار، بىزنى گۇمران قىلماقچى بولغانلاردىن قوغداپ قېلىڭلار.» زالىملار چوقۇم يوقىلىدۇ، ۋەيرانچىلىق ئاخىرلىشىدۇ، تاجاۋۇزچىلار زېمىندىن يوقىلىدۇ، ئۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئىشەنچلىك بىر پادىشاھنى تىكلەيدۇ. ئۇ پادىشاھ داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولىدۇ. ئۇ رەھىم-شەپقەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئۇ دائىم ئادىل ۋە توغرا ئىشلارنى قىلىدۇ. بىز موئابلارنىڭ ھاكاۋۇرلۇقىنى ئاڭلىغان، ئۇلار شۇنداق ھاكاۋۇر ئىدىغۇ! ئۇلار ھاكاۋۇرلۇقىدىن، كىبىرلىكىدىن كۆرەڭلەپ كەتكەنىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى چوڭ چاغلىغىنى بىكار بولدىغۇ! شۇڭا موئابلارنىڭ نالە-پەريادىغا ئېرەن قىلماڭلار، موئابلارنىڭ ھەممىسى ئۆزى ئۈچۈن نالە-پەرياد قىلسۇن. ئۇلارنىڭ قىرخەرەستىكى كىشمىشلىرى قۇرۇپ كېتىدۇ. خەشبون شەھىرىنىڭ دالالىرىدىكى زىرائەتلەر قۇرۇپ كېتىدۇ. سىبماھ شەھىرىدىكى باراقسان ئۈزۈمزارلىقلارمۇ يوقىلىدۇ. يات ئەللەرنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ئۇلارنى كېسىپ تاشلايدۇ. بۇ ئۈزۈمزارلىقلار يازېر شەھىرىدىن ئۆتۈپ چۆللەرگىچە تۇتاشقانىدى، ئۇلار شاخلارنى چىقىرىپ، دېڭىزغىچە باراقسانلاشقانىدى. شۇڭا مەن يازېر بىلەن سىبماھتىكى ئاشۇ ئۈزۈمزارلىققا ئېچىنىمەن. ئەي خەشبونلۇقلار ۋە ئەلئالىلىقلار، كۆز ياشلىرىمغا چىلىشىپ كېتىسىلەر، سىلەرنىڭ مەي باغلاپ پىشقان مېۋە-چېۋەڭلار ۋە مول ھوسۇل شادلىقىڭلار ئاخىرلىشىدۇ. شادلىق ۋە خۇشال كۈلكەڭلار باغلىرىڭلاردىن يوقىلىدۇ، ئۈزۈمزارلىقىڭلاردا ھېچكىم خۇشاللىق ناخشىلىرىنى ئېيتمايدۇ، شادلىق سادالىرىنى ياڭراتمايدۇ. ھېچكىم ئۈزۈملەرنى يانجىپ، ئۈزۈم ھارىقى ياسىمايدۇ. سىلەرنىڭ خۇشاللىق سادالىرىڭلار ئاخىرلىشىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، مېنىڭ يۈرىكىم خۇددى ماتەم مۇزىكىسى چالغاندەك موئابلار ئۈچۈن يىغلايدۇ، قىرخەرەس شەھىرىنىڭ خەلقى ئۈچۈن زارلانماقتىمەن. موئابلار ئىبادەت قىلىشقا بارغاندا، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنى بىكارلا ئاۋارە قىلىدۇ. ئۇلار بۇتخانىلىرىغا بېرىپ دۇئا قىلسا، قىلغان دۇئالىرىنىڭ نېمىگە پايدىسى بولسۇن؟ يۇقىرىدىكى ۋەقەلەر پەرۋەردىگارنىڭ موئابلارغا ئالدىن بەرگەن بېشارىتىدۇر. ۋاھالەنكى، پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «دەل ئۈچ يىلدىن كېيىن، موئابلارنىڭ شۆھرىتى ئاخىرلىشىدۇ، گەرچە ئۇلار شۇنچە كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇلاردىن ساناقلىقلا ئادەم قالىدۇ، شۇنچە بىچارە بولۇپ قالىدۇ.» بۇ، دەمەشق توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر: «قاراڭلار، دەمەشق شەھىرى پات ئارىدا يوقىلىدۇ، ئۇ ۋەيرانە خارابىلىككە ئايلىنىدۇ! خەلق ئاروئېرنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەرنى تاشلايدۇ. بۇ شەھەرلەر مال-چارۋىلارنىڭ يايلايدىغان يېرىگە ئايلىنىدۇ. بۇ يەردىن ھېچكىم ئۇلارنى قوغلاپ يۈرمەيدۇ، ئۈركۈتمەيدۇ. شىمالدىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرى يوقىلىدۇ، دەمەشق پادىشاھلىقى ھەم يوقىلىدۇ. قېپقالغان سۈرىيەلىكلەرنىڭ ئاقىۋىتى، ئىسرائىلىيەدىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىگە ئوخشاش شەرمەندىلىك بولىدۇ!» مانا بۇ، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر. «شۇ چاغدا ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ شۆھرىتى تۈگەيدۇ. خۇددى قاۋۇل ئادەم ئورۇقلاپ كەتكەندەك بولىدۇ. ئۇنىڭ پۈتكۈل زېمىنى ھوسۇل يىغىۋېلىنغاندىن كېيىنكى ئېتىزلىققا ئوخشاپ قالىدۇ. ئۇ يەرلەر زىرائەتلەر يىغىۋېلىنغاندىن كېيىنكى رافاھ جىلغىسىدەك قاقاس بولۇپ قالىدۇ. مېۋىلىرى قېقىۋېلىنغان زەيتۇن دەرىخىنىڭ شاخلىرىدا قېپقالغان نەچچە تال زەيتۇندەك، تۆت-بەش تال مېۋىسى قالغان دەرەختەك، پەقەت ساناقلىقلا ئادەم قالىدۇ.» مانا بۇ، پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ سۆزلىرىدۇر. شۇ چاغدا كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ياراتقۇچىسىغا يۈزلىنىدۇ، ئۇلار ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغىلا تايىنىدۇ. شۇ چاغدا ئۇلار ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىغان بۇتلارغا چوقۇنمايدىغان بولىدۇ، ياكى ئىلاھە ئاشېراغا ئاتاپ ئۆزلىرى ياسىغان ياغاچ تۈۋرۈككە ئىلتىجا قىلمايدىغان بولىدۇ. ھەمدە ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىغان ئىسرىقدانلاردا ئىلاھلىرىغا كۈجە كۆيدۈرمەيدىغان بولىدۇ. بۇ چاغدا ئىسرائىللارنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرى تاشلاندۇق خارابىلىككە ئوخشاپ قالىدۇ. ئۇ شەھەرلەر، ئىلگىرى خەلقلىرى ئىسرائىللارنىڭ ھۇجۇمىدىن قېچىپ، تاشلاپ كەتكەن شەھەرلەردەك ئادەمسىز قالىدۇ. چۈنكى سىلەر ئۆزۈڭلارنى قۇتقۇزغان خۇدانى ئۇنتۇپ قالدىڭلار، سىلەر پاناھلانغان قورام تاشنى ئۇنتۇپ قالدىڭلار. مەيلى سىلەر ئەڭ ئېسىل دەرەخلەرنى تىككەن بولۇڭلار، ۋە ياكى ئۈزۈمزارلىقلارنى بەرپا قىلغان بولۇڭلار، مەيلى ئۇلار تىكىلگەن كۈنى كۆكلىگەن بولسۇن، ياكى شۇ كۈنى ئەتىگەندە بىخ چىقارغان بولسۇن، لېكىن شۇ ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەتلىك كۈن كەلگەندە، سىلەرنىڭ ھوسۇلۇڭلا يوقىلىدۇ. ئاڭلاڭلار! نۇرغۇن ئەللەرنىڭ قوشۇنلىرى دېڭىز شاۋقۇنىدەك نەرە تارتىۋاتىدۇ. قۇدرەتلىك قوشۇنلارنىڭ دېڭىز شاۋقۇنىدەك سۈرەن سېلىپ كېلىۋاتقىنىغا قۇلاق سېلىڭلار! گەرچە ئۇلار دېڭىز شاۋقۇنىدەك سۈرەن سېلىپ كەلسىمۇ، خۇدانىڭ ئەيىبلىشى بىلەن يىراقلارغا قېچىپ كېتىدۇ. ئۇلار خۇددى ئېدىرلىقتا شامال ئۇچۇرغان ساماندەك، بوران ئۇچۇرغان توزاندەك قېچىپ كېتىدۇ. كەچ كىرگەندە ئىسرائىللارنى ۋەھىمە باسقان بولسا، تاڭ ئاتقۇچە دۈشمەن غايىب بولىدۇ. مانا بۇ بىزنى تالان-تاراج قىلغانلارنىڭ تەقدىرى، بىزنى بۇلىغانلارنىڭ ئاقىۋىتى. نىل دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدە _ ھاشاراتلار قاناتلىرىنى ئۆرۈپ غوڭۇلدايدىغان يەردە ياشايدىغان ئېفىيوپىيەلىكلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار قومۇشتا ياسالغان كېمىلەر بىلەن دەريا ئارقىلىق ئەلچىلىرىنى ئەۋەتىدۇ. ئەي يەلتاپان خەۋەرچىلەر، زېمىنلىرى دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان، تېرىلىرى سىلىق، بويلىرى ئېگىز بولغان ئەلگە بېرىڭلار. يېقىن-يىراقتىكىلەرنى قورقۇتقان ئەلگە، كۈچلۈك ۋە ئىشغالىيەتچى ئەلگە بېرىڭلار. ئەي دۇنيادىكى بارلىق ئەللەر، زېمىندا ياشاۋاتقان بارلىق خەلقلەر، سىلەر تاغدا كۆتۈرۈلگەن بىر تۇغنى كۆرگەندە ئاگاھ بولۇڭلار! سىلەر قوچقار مۈڭگۈزىدىن ياسالغان بۇرغىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا، ئاگاھ بولۇڭلار! پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «مەن ئۆز جايىمدا ھەممە ئىشنى كۆزىتىپ تۇرىمەن. مەن تومۇز كۈنلىرىدىكى ئىسسىق ھاۋادەك، ھوسۇل مەزگىلىدە ئەتىگىنى چۈشكەن شەبنەمدەك تىۋىشسىز تۇرىمەن.» ھوسۇل مەزگىلىدىن بۇرۇن چېچەكلەر توزۇپ، ئۈزۈملەر پىشاي دېگەندە، پەرۋەردىگار يۇمران شاخلارنى كېسىپ تاشلايدۇ، قاتار كەتكەن بۈك-باراقسان ئۈزۈم باراڭلىرىنى چېپىپ تاشلايدۇ. جەسەتلەر تاغدىكى ئوزۇق ئىزدەپ يۈرگەن قۇشلارغا، ياۋايى يىرتقۇچلارغا تاشلاپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قۇشلار يازدا ئوزۇقلۇقتىن غەم قىلمايدۇ، يىرتقۇچلار قىشتا ئاچ قېلىشتىن غەم قىلمايدۇ. شۇ چاغدا، بويلىرى ئېگىز ۋە تېرىلىرى سىلىق بولغان قوۋملاردىن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا تارتۇقلار قىلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ يىراق-يېقىندىكىلەرنى قورقۇتقان قوۋملاردۇر، كۈچلۈك ۋە ئىشغالىيەتچى قوۋملاردۇر. ئۇلارنىڭ زېمىنى دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. ئۇلار، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆز نامىنى ئۇلۇغلاشقا تاللىغان جايغا، يەنى سىئون تېغىغا تارتۇقلارنى ئەكېلىدۇ. بۇ مىسىر توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر: قاراڭلار! پەرۋەردىگار مىسىرغا ئۇچقۇر بۇلۇتقا مىنىپ كېلىدۇ. مىسىرنىڭ بۇتلىرى تىترىشىدۇ، مىسىرلىقلارنىڭ يۈرەكلىرى قورققىنىدىن سۇ بولۇپ كېتىدۇ. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن مىسىرلىقلارنى ئۆزئارا قارشىلاشتۇرىمەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزئارا ئۇرۇشىدۇ. ھەممە ئائىلە كىشىلىرى، ھەممە قوشنىلار ئۆزئارا ئۇرۇشىدۇ. بىر شەھەر يەنە بىر شەھەر بىلەن، بىر پادىشاھلىق يەنە بىر پادىشاھلىق بىلەن ئۇرۇشىدۇ. مىسىرلىقلارنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ پىلانلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىمەن. ئۇلار ئۆز بۇتلىرىدىن ياردەم تىلەيدۇ، ئۇلار روھلار بىلەن سۆزلىشىدىغان ئادەملىرىدىن، باخشىلىرى ۋە پالچىلىرىدىن ياردەم تىلەيدۇ. مەن مىسىرنى بىر زالىم ھۆكۈمرانغا تۇتۇپ بېرىمەن. بىر قۇدرەتلىك پادىشاھ ئۇلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.» مانا بۇ، ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر. نىل دەرياسىنىڭ سۈيى قۇرۇپ كېتىدۇ، دەريا قاغجىراپ، سۈيى تۈگەيدۇ. مىسىرنىڭ نىل دەرياسى ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرى سېسىپ، سۈيى ئاستا-ئاستا ئازىيىپ، قۇرۇپ كېتىدۇ. قومۇشلار ۋە يېكەنلەر قاقشال بولۇپ قالىدۇ. نىل دەرياسى بويىدىكى ۋە دەريا ئېغىزىدىكى ئۆسۈملۈكلەر، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى تېرىلغان زىرائەتلەر قۇرۇپ كېتىدۇ، ئۇلارنى شاماللار ئۇچۇرۇپ كېتىپ، يوقىلىدۇ. بېلىقچىلار قايغۇغا چۆمىدۇ، نىل دەرياسى بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدىغانلار ھەسرەتكە چۆمىدۇ، دەرياغا تور تاشلايدىغانلار نالە قىلىدۇ. كەندىردىن يىپ ئېشىدىغانلار قايغۇرىدۇ، رەخت توقۇيدىغانلار ئۈمىدسىزلىككە تولىدۇ. مىسىرنىڭ توقۇمچىلىرىغا مۇسىبەت بولىدۇ، بارلىق ئىشلەمچىلەر چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ. زوئان شەھىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى ھەقىقەتەن ئەخمەق، پىرئەۋننىڭ دانىشمەنلىرى ئەخمىقانە مەسلىھەتلەرنى بېرىدۇ: «مەن بىر دانىشمەننىڭ ئوغلى، قەدىمكى پادىشاھلارنىڭ ئەۋلادى.» ئۇلار نەقەدەر قاپ يۈرەكلىك بىلەن پىرئەۋنگە شۇنداق دېگەن-ھە! ئەي پىرئەۋن! ئەمدى سېنىڭ دانىشمەنلىرىڭ قېنى؟ ئۇلار ساڭا قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ مىسىرغا قارشى نېمە قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېيتىپ بەرسۇنچۇ. زوئان شەھىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۆزلىرىنى ئەخمەق قىلىۋاتىدۇ، مېمفىس شەھىرىنىڭ ئاقساقاللىرى ئۆز-ئۆزىنى ئالداۋاتىدۇ، مىسىردىكى قەبىلىلەرنىڭ ئاقساقاللىرى مىسىرنى تۇيۇق يولغا باشلاپ قويىدۇ. پەرۋەردىگار مىسىر ئاقساقاللىرىنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرۇپ قويىدۇ. شۇڭا ئۇلار مىسىر خەلقىنى تۇيۇق يولغا باشلايدۇ. ئۇلارنى ھاراقكەشلەردەك ئۆز قۇسۇقلىرىغا تېيىلىپ، دەلدەڭشىپ يۈرىدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. مىسىردا ھېچبىر ئادەم، مەيلى مەرتىۋىسى يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولسۇن، ئۇلۇغ ياكى پېقىر بولسۇن، بۇ كەلگۈلۈكنىڭ ئالدىدا ئامال-چارىسىز قالىدۇ. ئۇ چاغدا مىسىرلىقلارنىڭ قىلىقى ئاياللارغا ئوخشاپ قالىدۇ. ئۇلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئاتقان مۇشتۇمىنىڭ زەربىسىدە قورقۇشۇپ تىترەپ كېتىدۇ. يەھۇدىيە خەلقى مىسىرلىقلارنى ۋەھىمىگە سالىدۇ. مىسىرلىقلار يەھۇدىيەنى ئېسگە ئالغان ھامان ئۇلار قورقىدۇ، چۈنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنى جازالىماقچى. ئۇ چاغدا مىسىرنىڭ بەش شەھىرىدە ئىبرانىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان بولىدۇ. ئۇلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا ساداقەت بىلدۈرۈپ قەسەم قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر شەھەر «قۇياش شەھىرى» دەپ ئاتىلىدۇ. شۇ چاغدا مىسىر زېمىنىنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بىر قۇربانلىق سۇپىسى ۋە مىسىرنىڭ چېگراسىدا پەرۋەردىگارغا بېغىشلانغان بىر تاش ئابىدە ياسىلىدۇ. بۇلار مىسىرلىقلارنىڭ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنى ياد ئېتىپ تۇرۇشى ئۈچۈن ياسالغان بىر خاتىرە بەلگىسى بولىدۇ. خەلق ئۆزلىرىنى ئەزگەنلەر ئۈستىدىن پەرۋەردىگارغا يىغلاپ نالە-پەرياد قىلغاندا، پەرۋەردىگار ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ۋە قوغداش ئۈچۈن بىر قۇتقۇزغۇچى ئەۋەتىدۇ. ئۇ ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ. شۇنداق قىلىپ، پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارغا ئۆزىنى ئاشكارىلايدۇ. شۇ چاغ كەلگەندە، مىسىرلىقلار پەرۋەردىگارنى تونۇپ، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇلار قۇربانلىق ۋە ئاشلىق ھەدىيەلىرى قىلىپ، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگار ئالدىدا ۋەدە قىلىدۇ ۋە بۇ ۋەدىسىدە تۇرىدۇ. پەرۋەردىگار مىسىرغا زەربە بېرىدۇ ۋە ئاندىن ئۇنىڭغا شىپالىق بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مىسىرلىقلار پەرۋەردىگارغا يۈزلىنىدۇ. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ دۇئالىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا شىپالىق بېرىدۇ. شۇ چاغدا مىسىردىن ئاسسۇرىيەگە بىر يول ئېچىلىدۇ. ئاسسۇرلار مىسىرنى زىيارەت قىلىدۇ، مىسىرلىقلار ئاسسۇرىيەنى زىيارەت قىلىدۇ. مىسىرلىقلار بىلەن ئاسسۇرلار پەرۋەردىگارغا بىرلىكتە ئىبادەت قىلىدۇ. شۇ چاغدا ئىسرائىلىيە، مىسىر ۋە ئاسسۇرىيە يەر يۈزىدىكى خەلقلەرنىڭ بەخت مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «مىسىرلىقلار مېنىڭ خەلقىم، ئاسسۇرلار مېنىڭ قولۇمدىكى ئىجادىيىتىم، ئىسرائىللار مېنىڭ مۈلكۈم، سىلەر بەختلىك بولۇڭلار!» ئاسسۇرلارنىڭ پادىشاھى سارگون باش سەركەردىسىنى ئاشدود شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتىپ، ئۇ شەھەرنى ئىشغال قىلدى. شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئاموزنىڭ ئوغلى يەشاياغا: «كاناپتىن تىكىلگەن ماتەملىك كىيىمىڭنى ۋە ئايىغىڭنى سېلىۋەت!» دېدى. يەشايا شۇنداق قىلدى ۋە يالاڭ ئاياغ، كىيىمسىز كېزىپ يۈردى. ئاندىن پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: «مېنىڭ خىزمەتكارىم يەشايا ئۈچ يىل يالاڭ ئاياغ ۋە كىيىمسىز يۈردى. مانا بۇ، مىسىر ۋە ئېفىيوپىيەنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئىشلاردىن بېشارەتتۇر. چۈنكى ئاسسۇر پادىشاھى، مىسىرلىقلار ۋە ئېفىيوپىيەلىكلەرنى ئەسىرگە ئالىدۇ ۋە سۈرگۈن قىلىدۇ. ياشلار ۋە ياشانغانلار يالاڭ ئاياغ، كىيىمسىز يالىڭاچ ھالدا يۈرىدۇ. بۇ مىسىر ئۈچۈن نومۇس. ئېفىيوپىيەگە ئۈمىد باغلىغان ۋە مىسىرنى چوڭ بىلىپ ئۇنىڭغا تايانغانلار بۇنى كۆرۈپ قورقىدۇ ۋە خىجىل بولىدۇ. شۇ چاغدا دېڭىز بويىدا ياشاۋاتقان فىلىستىيەلىكلەر ۋە يەھۇدىيە خەلقى مۇنداق دەيدۇ: ‹قاراڭلار! بىز ئۈمىد باغلىغان كىشىلەرگە نېمە بولدى؟ ئۇلار بىزنى ئاسسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغداپ قالىدۇ، دەپ ئىشەنگەنىدۇققۇ؟ ئەمدى بىزچۇ، بىز قانداق قۇتقۇزۇلىمىز؟›» بۇ دېڭىز بويىدىكى قۇملۇق توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر: نەگېب چۆللۈكىدە بوران چىققاندەك، چۆللۈكتىن، يەنى ۋەھشىيلەرنىڭ زېمىنىدىن تاجاۋۇزچى كېلىدۇ. مەن بىر قايغۇلۇق ۋەھىينى تاپشۇرۇپ ئالدىم: «ئالدامچى ئالدامچىلىق قىلىدۇ، بۇزغۇنچى بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئەي ئېلاملار، ھۇجۇم قىلىڭلار! مىدىيالىقلار، قورشاڭلار! مەن بابىل ئېلىپ كەلگەن بارلىق ئازابلارنى ئاخىرلاشتۇرىمەن!» بۇ ۋەھىي سەۋەبىدىن پۈتۈن بەدىنىم تىترەپ تۇرىدۇ، ئاغرىق مېنى تولغاق ئازابىدەك قىينىماقتا. مېنىڭ ئاڭلىغانلىرىم مېنى بىئارام قىلىۋاتىدۇ. كۆرگەنلىرىم مېنى ۋەھىمىگە سېلىپ قويدى. بېشىم پۈتۈنلەي گاڭگىراپ قالدى، قورقۇنچتىن تىترەپ تۇرىمەن. مەن كەچكى شەپەقنى كۈتكەنىدىم. ئەپسۇس، كۆرگىنىم مېنى چۆچۈتۈپ قويدى. ئۇلار گىلەملەرنى سېلىپ، زىياپەت تەييار قىلىشتى. ئۇلار تائاملارنى يېيىشىپ، شارابلارنى ئىچىشتى. تۇيۇقسىز بىر ئاۋاز كەلدى: «ئەمىرلەر، قالقانلىرىڭلارنى مايلاپ تەييار قىلىڭلار!» ئىگەم ماڭا مۇنداق دېدى: «شەھەر قوۋۇقىغا بىر قاراۋۇل قويۇڭلار. ئۇ كۆرگەنلىرىنى خەۋەر قىلىپ تۇرسۇن. ئۇ قوش ئاتلىق جەڭ ھارۋىلىرىنى كۆرگەندە، ئېشەكلەرگە ياكى تۆگىلەرگە مىنىپ كېلىۋاتقانلارنى كۆرگەندە، ئۇ چوقۇم كۆز-قۇلاق بولسۇن، قاتتىق كۆزەتسۇن.» قاراۋۇل مۇنداق دەپ ۋارقىرىدى: «جانابلىرى، مەن كۈندۈزى قوۋۇقتا كۆزەتتە تۇرىمەن. كېچىسى ھەم كۆزەتتە تۇرىمەن. قارىسىلا، قوش ئاتلىق جەڭ ھارۋىلىرى كەلدى.» ئاندىن ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بابىل تۈگەشتى! بابىل تۈگەشتى! ئۇلار چوقۇنغان بارلىق بۇتلار ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، پارە-پارە بولدى.» ئەي خەلقىم يەھۇدىيەلىكلەر، سىلەر يانجىلغان ۋە سورۇلۇپ كەتكەنىدىڭلار! مەن سىلەرگە قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ ماڭا ئېيتقانلىرىنى يەتكۈزدۈم. بۇ، دۇماھ توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر. سەئىردىن بىر ئادەم مېنى چاقىرىۋاتىدۇ: «قاراۋۇل، تاڭ ئېتىشقا قانچىلىك قالدى؟ قاراۋۇل، تاڭ ئېتىشقا قانچىلىك قالدى؟» قاراۋۇل جاۋاب بېرىدۇ: «تاڭ ئاتاي دەپ قالدى، ئارقىدىن كېچە بولىدۇ. ئەگەر يەنە سورىماقچى بولساڭ، قايتىپ كېلىپ، ئاندىن سورا.» بۇ، ئەرەب چۆللۈكى توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر: ئەي دىدانلىقلارنىڭ كارۋانلىرى، سىلەر ئەرەبىستان چۆللۈكىدە چېدىر تىكىپ ئولتۇرىسىلەر. چاڭقىغانلارغا ئۇسسۇزلۇق بېرىڭلار، ئەي تەما زېمىنىدا ياشايدىغانلار، مۇساپىرلارغا تاماق بېرىڭلار. ئۇلار قىلىچ ئاستىدىن قاچقانلار، غىلىپىدىن سۇغۇرۇلغان قىلىچتىن، كىرىچى تارتىلغان ئوقيادىن، شۇنداقلا قايناق ئۇرۇشتىن قاچقانلار. ئىگەم ماڭا مۇنداق دېدى: «دەل بىر يىلدىن كېيىن قېدار خەلقىنىڭ بارلىق شەرىپى ئاخىرلىشىدۇ. قېدارنىڭ قوشۇنلىرىدىكى مەرگەنلىرى ئىنتايىن ئاز قالىدۇ.» بۇلار ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ سۆزلىرىدۇر. بۇ، خۇدا ماڭا كۆرسەتكەن جىلغا _ يېرۇسالېم توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر: سىلەرگە نېمە بولدى؟ نېمە ئۈچۈن ھەممىڭلار ئۆگزىگە چىقىۋالىسىلەر؟ شەھىرىڭلارنىڭ ھەممە يېرى ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولغان، كۈندە بايرام بولىدىغان، ئاۋات بىر شەھەر ئىدىغۇ؟ ئەمما، ئۆلتۈرۈلگەنلەر قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلمىدى، ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلمىدى. سىلەرنىڭ سەركەردىلىرىڭلار بىرلىكتە قاچتى، ئۇلارغا بىرمۇ ئوقيا ئېتىلماي تۇتۇلدى. ئۇلار قانچىلىك يىراققا قاچقان بولسۇن، ھەممىسى تەسلىم بولدى. شۇڭلاشقا، مەن دەيمەنكى: «ماڭا قارىماڭلار! مەن ئۆكسۈپ يىغلىماقتىمەن. ئاجىز خەلقىمنىڭ گۇمران بولغانلىقى سەۋەبىدىن، ماڭا تەسەللى بېرىمەن دەپ، ئۇرۇنماڭلار.» ئىگەم _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭا كۆرسەتكەن جىلغىغا ۋەيرانچىلىق، مەغلۇبىيەت ۋە قالايمىقانچىلىق كۈنلىرىنى ئىرادە قىلدى. سېپىللار بۇزۇپ تاشلىنىدىغان ۋە تاغلاردىن ياردەم تىلەپ يىغلايدىغان كۈنلەرنى ئىرادە قىلدى. ئېلام پالۋانلىرى ئوقيالىرىنى ئېلىپ، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىق چەۋەندازلىرى بىلەن كېلىدۇ، قىر پالۋانلىرى قالقانلىرىنى تەييار قىلىدۇ. سىلەرنىڭ مۇنبەت جىلغاڭلار جەڭ ھارۋىلىرىغا توشۇپ كېتىدۇ. چەۋەندازلار شەھەر قوۋۇقلىرىنى قورشايدۇ. بۇ چاغقا كەلگەندە پەرۋەردىگار يەھۇدىيەنى قوغدىمايدىغان بولىدۇ. بۇ چاغدا سىلەر ئوردىدىكى «ئورمان سارىيى»دىن ئۇرۇش قوراللىرىنى ئىزدەيسىلەر. سىلەر «داۋۇت پادىشاھ شەھىرى» سېپىلىنىڭ قانچە يەردىن بۇزۇلغانلىقىنى تەكشۈرىسىلەر، پەستىكى كۆلچەككە سۇ تولدۇرۇپ قويىسىلەر، يېرۇسالېمدىكى ئۆيلەرنى تەكشۈرىسىلەر، سېپىلىڭلارنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئۆيلەرنى بۇزۇپ تاشلايسىلەر. سىلەر كونا كۆلنىڭ سۈيىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئىككى سېپىلنىڭ ئارىسىغا بىر كۆل ياسايسىلەر. ئەمما سىلەر ئاشۇ شەھەرنى سالغان پەرۋەردىگارغا يۈزلەنمەيسىلەر، شۇنداقلا بۇنى پەرۋەردىگارنىڭ بۇرۇنلا پىلانلىغانلىقىنى ئويلىمايسىلەر. شۇ چاغدا ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىلەرگە «توۋا قىلىپ يىغلاڭلار! چېچىڭلارنى چۈشۈرۈپ، كاناپتىن تىكىلگەن ماتەملىك كىيىم كىيىڭلار!» دېگەن. ئويلاپ كۆرۈڭلار! لېكىن سىلەر شاد-خۇرام ھالدا تاماشا قىلىپ يۈردىڭلار، كالا-قويلارنى سويۇپ، ئېسىل تائاملارنى يەپ، شارابلارنى ئىچىپ يۈردىڭلار! سىلەر شۇنداق دېگەن: «يەيلى، ئىچەيلى، ئەتە بەرىبىر ئۆلىمىز!» ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئۇلارنىڭ گۇناھى ئۇلار ئۆلگۈچە كەچۈرۈلمەيدۇ!» مانا بۇ، ئىگىمىز قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر! ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «سەن ئوردا غوجىدارى شەبنانىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا ئېيتقىن: ‹ئەي شەبنا، سەن بۇ يەردە نېمىدەپ تۇرىسەن؟ ئۆزۈڭنى كىم چاغلايسەن؟ بۇ يەردە ئۆزۈڭگە قەبرە ياساۋاتامسەن؟ بۇ شۆھرەتلىك قەبرىنى ياسىغۇدەك سەن كىم ئىدىڭ؟! تاشلاردىن ئۆزىگە ياتىدىغان جاي ياسىغۇدەك سەن كىم بولىسەن؟! قارا ئۆزۈڭگە، ئەي ئەرباب! پەرۋەردىگار سېنى چىڭ قاماللايدۇ، سېنى ئەمدى پۈتۈنلەي تاشلىۋېتىدۇ! ئۇ سېنى سەللىنى ئورىغاندەك چىڭ ئوراپ، يىراق، كەڭرى بىر زېمىنغا تاشلاپ قويىدۇ. ئۇ يەردە سەن ئېسىل جەڭ ھارۋىلىرىڭ بىلەن ئۆلىسەن. سەن ئۆز پادىشاھىڭنىڭ يۈزىنى تۆكىسەن.›» پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «سېنىڭ ئەمىرلىكىڭنى يوق قىلىۋېتىمەن، ئەمىلىڭنى سەندىن ئېلىپ تاشلايمەن! شۇ چاغ كەلگەندە، مەن خىلقىيانىڭ ئوغلى ئۆز خىزمەتكارىم ئەلياقىمنى چاقىرىمەن. مەن ئۇنىڭغا سېنىڭ شاھانە تونۇڭنى كىيدۈرۈپ، بەلبېغىڭنى باغلاپ، ئۇنىڭغا سېنىڭ ھوقۇقۇڭنى بېرىمەن. شۇ چاغدا ئۇ يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەدە ياشاۋاتقان خەلقنىڭ ئاتىسى بولىدۇ. مەن ئۇنىڭ بوينىغا داۋۇت پادىشاھنىڭ ئوردىسىنىڭ ئاچقۇچىنى ئېسىپ قويىمەن. ئۇ ئاچقان ئىشىكنى ھېچكىم ياپالمايدۇ. ئۇ ياپقان ئىشىكنى ھېچكىم ئاچالمايدۇ. مەن ئۇنى مەزمۇت بىر يەرگە مىخ قاققاندەك قېقىپ قويىمەن، ئۇ ئاتىسىنىڭ جەمەتىگە شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئاتا جەمەتىنىڭ شان-شەرىپى ئۇنىڭ بېشىدا بولىدۇ. ئۇنىڭ بالىلىرى ۋە تۇغقانلىرى خۇددى جام، ئىدىشلار ئېسىپ قويۇلغاندەك، ئۇنىڭغا ئېسىلىدۇ.» بىراق قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ چاغدا، مەن شۇ يەرگە قېقىپ قويغان مىخ جايدىن چىقىپ سۇنۇپ كېتىدۇ، ئۇنىڭغا ئېسىلغان بارلىق نەرسىلەر گۇمران بولىدۇ.» مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر! بۇ تىر شەھىرى توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر: يىراقتىكى تارشىشتىن قايتىپ كەلگەن دېڭىزچىلار قايغۇرۇپ نالە قىلىڭلار. شەھىرىڭلار تىر گۇمران بولىدۇ، ھېچبىر ئۆي ۋە پىرېستان ساق قالمايدۇ. بۇ خەۋەر ئۇلارغا سىپرۇس زېمىنىدا يەتكۈزۈلىدۇ. ئەي دېڭىز بويىنى ماكان قىلغانلار ۋە سىدون سودىگەرلىرى، سىلەر سۈكۈتتە قايغۇرۇڭلار! سودىگەرلىرىڭلار دېڭىزلاردا تىرىكچىلىك قىلاتتى، ئۇلار چوڭقۇر دېڭىزلاردىن ئۆتۈپ، مىسىردىكى شىخور ۋادىسىدىن ئاشلىق سېتىۋالاتتى، نىل دەريا ۋادىسىدىن چىققان ھوسۇللارنى ئەكېلەتتى. يەر يۈزىنىڭ ئەڭ ئاۋات بازىرى سىلەردە ئىدى. ئەي سىدون شەھىرى، سېنىڭ يۈزۈڭ تۆكۈلىدۇ! چۈنكى تىر شەھىرى، يەنى دېڭىز بويىدىكى قۇرغان مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ئەزەلدىن بالىلىرىم يوق، مەن ئەزەلدىن ئوغۇل-قىزلارنى باقمىغان.» بۇ خەۋەر مىسىرغا كەلگەندە، ئۇلار تىرغا كەلگەن كەلگۈلۈكنى ئاڭلاپ ئىنتايىن پەرىشان بولىدۇ. ئەي دېڭىز بويىنى ماكان قىلغانلار، تارشىشقا قېچىپ كېتىڭلار! ئازابلىنىپ يىغلاڭلار! قەدىمىي شەھىرىڭلار خۇشال-خۇراملىققا تولغان شەھەرمىدى؟! سىلەر بۇ شەھەردىن دېڭىز يوللىرى ئارقىلىق يىراق ئەللەردە ياشاشقا بارغان ئەمەسمۇ؟! بۇ ئىشلارنى تىرغا كىم ئىرادە قىلدى؟ بۇ شەھەردىن پادىشاھلار چىققان، سودىگەرلىرى شاھزادىلەردەك مەرتىۋىلىك ئىدى. ئۇنىڭ سودىگەرلىرى يەر يۈزىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىدى. بۇ خەلققە كەلگەن كەلگۈلۈكنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىرادە قىلدى. ئۇ ھاكاۋۇر خەلقنىڭ شۆھرىتىنى يەرگە ئۇردى. يەر يۈزىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان سودىگەرلەرنىڭ ئابرۇيىنى تۆكتى. ئەي تارشىش خەلقى، نىل دەريا بويىدىكى دېھقانلارغا ئوخشاش يەرلىرىڭلارغا ئىشلەڭلار! چۈنكى پىرېستانىڭلار ئەمدى يوق بولدى. پەرۋەردىگار قولىنى دېڭىزغا سوزۇپ، پادىشاھلىقلارنى تىترەتمەكتە. ئۇ تىر ئەتراپىدىكى قورغانلارنى گۇمران قىلىشقا بۇيرۇق قىلدى. ئۇ: «ئەي ئېزىلگەن سىدونلۇقلار، سىلەرنىڭ خۇشال كۈنلىرىڭلار تۈگىدى. ئەمدى سىپرۇسقا بېرىڭلار. ئەمما ئۇ يەردىمۇ سىلەر خاتىرجەملىك تاپالمايسىلەر.» بابىل زېمىنىغا قاراڭلار، بۇ زېمىندىكى خەلق يوقالغان! ئاسسۇرلار بۇ زېمىننى ياۋايى يىرتقۇچلارغا ماكان قىلىپ بەردى. ئۇلار شەھەر سېپىلىغا توپا دۆۋىلەپ، سېپىلغا چىقىپ، ئوردىلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، شەھەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇردى. تارشىشتىن قايتىپ كېلىۋاتقان دېڭىزچىلار، قايغۇرۇڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ قورغىنىڭلار گۇمران قىلىندى. شۇ چاغ كەلگەندە، تىر شەھىرى 70 يىل ئۇنتۇلۇپ قالىدۇ، بۇ، بىر پادىشاھنىڭ ئۆمرى بىلەن تەڭ. 70 يىلدىن كېيىن، تىر بۇ ناخشىدىكى پاھىشىگە ئوخشاپ قالىدۇ: سازىڭ چىلتارنى قولۇڭغا ئال، كەزگىن بۇ شەھەرنى، ئەي ئۇنتۇلغان پاھىشە، ناخشاڭنى ئېيت، مۇڭلۇق سازىڭنى چال، بەلكىم كىشىلەر سېنى قايتا ئەسكە ئالار. 70 يىلدىن كېيىن پەرۋەردىگار تىر شەھىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تىر شەھىرى يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلار بىلەن سودا قىلىپ، ئىلگىرىكىگە ئوخشاش پاھىشە بولۇپ، پۇل تاپىدىغان يولغا كىرىپ كېتىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ تاپقان كىرىمىدىن پەرۋەردىگارغا ئايرىپ قويۇلىدۇ. ئۇ تاپقان بايلىقىنى دۆۋىلەپ قويمايدۇ. ئۇنىڭ كىرىمى پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىدىغانلارغا ئايرىپ بېرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ يېمەكلىرى مول بولىدۇ، ياخشى كىيىنىدۇ. قاراڭلار! پەرۋەردىگار زېمىننى گۇمران قىلىپ، خارابىلىككە ئايلاندۇرىدۇ. ئۇ يەر يۈزىنى ۋەيران قىلىپ، ئىنسانلارنى ھەر تەرەپكە چاچىدۇ. روھانىيلار ۋە خەلقلەر، خوجايىنلار ۋە قۇللار، ئاغىچا خېنىملار ۋە دېدەكلەر، ساتقۇچىلار ۋە ئالغۇچىلار، قەرز بەرگۈچىلەر ۋە قەرز ئالغۇچىلار، ھەركىم شۇ كۈننى كۆرىدۇ. زېمىن پۈتۈنلەي تالان-تاراج قىلىنىپ، قۇرۇقدىلىپ قالىدۇ. مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر. زېمىن قۇرۇپ، قاقشال بولۇپ قالىدۇ، جاھان چۆلدەرەپ، قاغجىراپ قالىدۇ، زېمىندىكى ئەڭ ئابرۇيلۇق مۆتىۋەرلەرمۇ تۈگىشىدۇ. كىشىلەر پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمىگە بويسۇنمىغانلىقتىن، ئۇلار ئۇنىڭ پەرمانلىرىدىن يۈز ئۆرۈگەنلىكتىن، ئۇنىڭ بىلەن بولغان مەڭگۈلۈك ئەھدىنى بۇزغانلىقتىن، يەر يۈزى بۇلغىنىپ كېتىدۇ. شۇڭا يەر يۈزىگە قارغىش ياغىدۇ، كىشىلەر ئۆز گۇناھى ئۈچۈن جازالىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن زېمىندا ياشاۋاتقانلار كۆيدۈرۈلىدۇ، پەقەت ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەرلا ئامان قالىدۇ. ئۈزۈملۈكلەر ۋەيران قىلىنىدۇ، يېڭى شارابلار يوق بولىدۇ، ئويۇن-تاماشاغا بېرىلگۈچىلەر ئاھ ئۇرىدۇ. داقا-دۇمباق ئاۋازلىرى توختايدۇ، تەبرىكلەۋاتقان كىشىلەرنىڭ خۇشال ئاۋازلىرى جىمىقىدۇ، چىلتار سادالىرىمۇ ئۆچىدۇ. ئۇلار ئەمدى ناخشا ئېيتىپ، شاراب ئىچەلمەيدۇ. مەي ئىچكۈچىلەرگە مەي لاۋزا تېتىيدۇ. خارابىگە ئايلانغان شەھەرلەر قاقاسلىشىپ كېتىدۇ. خەۋپسىرەپ، ھەممە ئۆيلەرنىڭ ئىشىكلىرى تاقىلىدۇ. شارابسىز قالغان كىشىلەر كوچىلاردا ۋارقىرىشىپ يۈرۈشىدۇ. ھەممە شادلىق قايغۇغا ئايلىنىدۇ. يەر يۈزىدىن خۇشاللىق كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. شەھەر دەرۋازىلىرى پاچاقلىنىپ، شەھەرلەر خارابىلىككە ئايلىنىدۇ. مانا بۇ، جاھاندىكى بارلىق خەلقنىڭ بېشىغا كېلىدىغان كۈن. خۇددى مول ھوسۇلنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىغا، زەيتۇننىڭ شاخلىرىدىن ئۈزۈۋېلىنغانلىقىغا، ئۈزۈملەرنىڭ تەكلەردىن كېسىۋېلىنغانلىقىغا ئوخشاش، دۇنيادا ئازلا ئادەم قالىدۇ. ئۇلار خۇشاللىق سادالىرىنى ياڭرىتىدۇ. كۈنپېتىشتا كىشىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى مەدھىيەلەيدۇ. ئەي كۈنچىقىشتا ياشىغانلار، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى ئۇلۇغلاڭلار. دېڭىز بويلىرىدا ياشىغانلار، پەرۋەردىگارنى، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانى ئۇلۇغلاڭلار. جاھاننىڭ تەرەپ-تەرەپلىرىدىن، ھەققانىيەتچى پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىگە ئاتالغان مەدھىيە ناخشىلىرى ئاڭلىنىدۇ. بىراق، مەن يەشايا، تۈگەشتىم، مەن تۈگەشتىم! ھالىمغا ۋاي! ئالدامچىلىق داۋاملىشىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ خائىنلىقى چېكىگە يەتتى. ئەي زېمىندىكى ئىنسانلار، سىلەر ۋەھىمىگە چۈشىسىلەر، سىلەرنى ئورەكلەر ۋە تۇزاقلار كۈتۈپ تۇرىدۇ. ۋەھىمىلىك ئاۋازدىن قاچقانلار ئورەككە چۈشىدۇ، ئورەكتىن چىققانلار تۇزاققا چۈشىدۇ. ئاسماننىڭ دەرۋازىسى ئېچىلىپ، ۋەيرانچىلىق يامغۇردەك ياغىدۇ، زېمىننىڭ ئۇلى تەۋرىنىپ كېتىدۇ. يەر-زېمىن پۈتۈنلەي ۋەيران بولىدۇ، يەر تامامەن يېرىلىپ كېتىدۇ، زېمىن قاتتىق سىلكىنىدۇ. زېمىن مەست ئادەمدەك ئىرغاڭلايدۇ، بوران-چاپقۇندىكى ئاجىز كەپىدەك لەپەڭشىيدۇ. زېمىن گۇناھنىڭ ئېغىرلىقى تۈپەيلىدىن، گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ قايتا ئۆرە بولالمايدۇ. ئۇ چاغدا پەرۋەردىگار پەلەكتىكى كۈچلەرنى، يەر يۈزىدىكى پادىشاھلارنى جازالايدۇ. ئۇلار ئۇ چاغدا قاماقتىكى جىنايەتچىلەرگە ئوخشاش توپلىنىدۇ، ئۇلار زىندانغا سولىنىپ، بىر مەزگىلدىن كېيىن جازالىنىدۇ. ئاسماندىكى ئاي ئوڭايسىزلىنىدۇ. كۈن ئىزا تارتىدۇ، چۈنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يېرۇسالېمدىكى سىئون تېغىدا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ ئاقساقاللىرىغا شان-شەرىپىنى نامايان قىلىدۇ. ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ خۇدايىمسەن، سېنى ئۇلۇغلايمەن. سېنىڭ نامىڭنى مەدھىيەلەيمەن. چۈنكى سەن، بۇرۇندىلا پىلانلىغان بۈيۈك ئىشلارنى ساداقەتمەنلىك بىلەن ئەمەلگە ئاشۇردۇڭ. سەن دۈشمەننىڭ شەھەرلىرىنى خارابىلىككە ئايلاندۇردۇڭ، مۇستەھكەم شەھەرلەر كېسەك پارچىلىرىغا ئايلاندى، يات ئەللەرنىڭ ئوردىلىرى ئەمدى مەڭگۈ قەد كۆتۈرەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن كۈچلۈك خەلقلەر سېنى ئۇلۇغلايدۇ، شەپقەتسىز ئەللەر سەندىن ئەيمىنىدۇ. سەن يوقسۇللارنىڭ باشپاناھىسەن، قىيىنچىلىقتا قالغان بىچارىلەرنىڭ باشپاناھىسەن. بوران-چاپقۇندىن دالدىلىنىدىغان پاناھگاھىسەن ۋە ئىسسىقتىن دالدىلىنىدىغان سايىسەن. زالىملار دەھشەتلىك بوراندەك ھۇجۇم قىلىدۇ، ئۇلار چۆلدىكى پىژغىرىم ئىسسىققا ئوخشايدۇ. ئى پەرۋەردىگار، سەن يات ئەللەرنىڭ چۇقان-سۈرەنلىرىنى شۈك قىلىپ قويدۇڭ. خۇددى كۈننىڭ ئىسسىقىنى بۇلۇت توسۇۋالغاندەك، زالىملارنىڭ زەپەر ناخشىلىرىنى توسۇۋالدىڭ. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىئون تېغىدا بارلىق خەلققە زىياپەت تەييارلايدۇ. ئاجايىپ ئېسىل تائاملار، كونا ئېسىل شارابلار بىلەن داستىخان سالىدۇ. بۇ تاغدا پەرۋەردىگار بارلىق خەلقنىڭ ئۈستىدىكى كېپەنلىكنى ئېلىپ تاشلايدۇ. پۈتۈن ئەللەرنىڭ ئۈستىدىكى ئاخىرەتلىك يېپىنچىنى ئېلىپ تاشلايدۇ. ئۇ ئۆلۈمنى مەڭگۈگە يۇتۇۋېتىدۇ. ئىگىمىز پەرۋەردىگار ھەممىنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتىدۇ، دۇنيانىڭ ئۆز خەلقىگە قىلغان ھاقارەتلىرىنى يۇيۇۋېتىدۇ. مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر! شۇ چاغدا ئۇنىڭ خەلقى مۇنداق دەيدۇ: «بەرھەق، بۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر! بىز ئۇنىڭغا ئىشەنگەن، ئۇ بىزنى قۇتقۇزدى! مانا بۇ، بىزنىڭ ئىشەنگەن پەرۋەردىگارىمىز. ئەمدى بىز شادلىنايلى، خۇشال بولايلى، چۈنكى ئۇ بىزنى قۇتقۇزدى.» سىئون تېغى پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرەتلىك قولى ئاستىدا بولىدۇ، ئۇ، موئابلارنى قىغ ئازگىلىدىكى ساماننى دەسسىگەندەك دەسسەيدۇ. خۇددى سۇ ئۈزگۈچى سۇنى ئالقىنىدا باسقىنىدەك، پەرۋەردىگارمۇ ئۇلارنىڭ مەغرۇرلۇقىنى يەرگە باسىدۇ. ئۇ موئابلارنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرىنى ئۆرۈپ، گۇمران قىلىپ، يەر بىلەن يەكسان قىلىدۇ. شۇ كۈنى يەھۇدىيە زېمىنىدىكى بارلىق خەلق بۇ ناخشىنى ئېيتىدۇ: بىزنىڭ شەھىرىمىز مۇستەھكەم! خۇدا خۇددى سېپىل ۋە سېپىل مۇنارلىرىغا ئوخشاش بىزنى قۇتقۇزىدۇ. دەرۋازىلارنى ئېچىڭلار، پەرۋەردىگارغا ساداقەتمەن، ھەققانىي خەلقنى ئىچىگە كىرگۈزۈڭلار. ئى پەرۋەردىگار، پۈتۈن ئوي-خىيالى سەندە بولغانلارغا سەن مۇكەممەل تىنچلىقنى بېرىسەن، چۈنكى ئۇلار ساڭا تايانغان. ھەر دائىم پەرۋەردىگارغا تايىنايلى، چۈنكى پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك پاناھلىنىدىغان قورام تاشتۇر. ئۇ تەكەببۇرلارنىڭ كىبىرىنى سۇندۇرىدۇ. ئۆزىنى ئاسماندا چاغلايدىغانلارنىڭ شەھەرلىرىنى تۈزلىۋېتىدۇ. ئۇلارنى توپا دۆۋىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. ئېزىلگەنلەر ئۇلارنى يانجىيدۇ، يوقسۇللارمۇ ئۇنى دەسسەپ ئۆتىدۇ. ئى پەرۋەردىگار، سەن توغرا يولدا ماڭغانلارنىڭ يولىنى راۋان قىلىسەن، دۇرۇسلارنىڭ يولىنى تۈز قىلىسەن. پەرۋەردىگار، بىز سېنىڭ كۆرسەتكەن يولۇڭدا ماڭىمىز، ساڭا تەلپۈنىمىز. سېنىڭ نامىڭنى ئۇلۇغلاش قەلبىمىزنىڭ ئىستىكىدۇر. ئى پەرۋەردىگار، پۈتۈن كېچە قەلبىم سېنى سېغىنىدۇ، تاڭ سەھەردە روھىم سېنى ئىزدەيدۇ، سەن يەر يۈزىگە سوراققا كەلگەندە، ئىنسانلار توغرا يولنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ. گەرچە رەزىللەرگە شەپقەت قىلىنسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ھەققانىي يولنى بىلمەيدۇ. ئۇلار دۇرۇسلار ياشايدىغان بۇ زېمىندا گۇناھلىق ئىشلارنى قىلىۋېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئويلىمايدۇ. ئى پەرۋەردىگار، سەن جازالاش ئۈچۈن قولۇڭنى كۆتۈردۈڭ، لېكىن رەزىللەر بۇنى كۆرمىدى. ئۇلار سېنىڭ ئۆز خەلقىڭنى جان دىل بىلەن قوغدايدىغانلىقىڭنى كۆرسۇن ۋە خىجىل بولسۇن. سېنىڭ غەزىپىڭ دۈشمەنلىرىڭنى ئوتقا ئوخشاش يالماپ كەتسۇن. ئى پەرۋەردىگار، سەن بىزگە تىنچلىق ئاتا قىلغىن. بىزنىڭ سىڭدۈرگەن بارلىق ئەجرىمىز سەندىن كەلگەن. ئى پەرۋەردىگار، بىزنىڭ خۇدايىمىز، سەندىن باشقا ھۆكۈمرانلار ئۈستىمىزدە ھۆكۈم سۈرگەن، لېكىن بىز سېنىڭ نامىڭنىلا ئېتىراپ قىلىمىز. ئۇ ھۆكۈمرانلار ئۆلدى، قايتا تىرىلمەيدۇ. ئۇلار گۆردە ياتىدۇ، قايتىپ كەلمەيدۇ. چۈنكى سەن ئۇلارنى جازالاپ، يوقاتتىڭ. ئۇلارنى دۇنيانىڭ ئېسىدىن پۈتۈنلەي چىقىرىۋەتتىڭ. ئى پەرۋەردىگار، ئۆز خەلقىڭنى ئۇلغايتتىڭ. ئۆز خەلقىڭنىڭ سانىنى كۆپەيتتىڭ. بۇنىڭ بىلەن سەن شان-شەرەپكە ئېرىشتىڭ. سەن زېمىنىمىزنىڭ چېگرالىرىنى كېڭەيتتىڭ. ئى پەرۋەردىگار، بىز قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، سېنى ئىزدىدۇق. سەن بىزنى جازالاپ تەربىيەلىگەندە، بىز مەيۈسلەنگەن ئاجىز ئاۋازىمىز بىلەن دۇئا قىلدۇق. ھامىلىدار ئايال تولغاق ئازابىدا يىغلىغاندەك، بىزمۇ سېنىڭ ئالدىڭدا يىغلىدۇق، ئى پەرۋەردىگار. بىز تولغاق ئازابىدىكى ھامىلىدار ئايالغا ئوخشاپ قالدۇق، لېكىن بىزدىن تۇغۇلغىنى يوقلۇق بولدى. بىز دۇنيانى نىجاتلىققا ئېرىشتۈرەلمەيمىز. قولىمىزدىن ھېچبىر ئىش كەلمەيدۇ. ئەمما، ساڭا مەنسۇپ بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەر، قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ! ئۇلارنىڭ تېنى باشقىدىن تىرىلىدۇ. ئەي تۇپراقتا ياتقانلار، ئويغىنىپ، شادلىق ناخشىسىنى ئېيتىڭلار! ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ تاڭ سەھەردىكى شەبنىمىڭ ئالەمگە ھاياتىي كۈچ بەرگەندەك، سەن ئۆلگەنلەرگىمۇ قايتا ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلىسەن. خەلقىم، ئۆيلىرىڭلارغا كىرىپ كېتىڭلار، ئىشىكلىرىڭلارنى تاقاپ قويۇڭلار. پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بېسىلغۇچە ئازغىنا ۋاقىت يوشۇرۇنۇپ تۇرۇڭلار. قاراڭلار، يەر يۈزىدىكى گۇناھكار كىشىلەرنى جازالاش ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئۆز ماكانىدىن چىقتى. زېمىنغا تۆكۈلگەن قانلارنى زېمىن ئاشكارىلايدۇ، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ جەسەتلىرىنى زېمىن يوشۇرۇپ قالالمايدۇ. شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر، زور قۇدرەتلىك قىلىچى بىلەن يۈگۈرۈك يۆگىمەچ يىلان لىۋياتاننى جازالايدۇ. ئۇ، قورقۇنچلۇق دېڭىز مەخلۇقى لىۋياتاننى ئۆلتۈرىدۇ. شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «كۆڭۈلنى خۇش قىلىدىغان ئۈزۈمزارلىقنى، يەنى خەلقىمنى كۈيلەپ ناخشا ئېيتىڭلار. مەن پەرۋەردىگار ئۈزۈمزارلىقىمنى قوغدايمەن، مەن ئۇنى دائىم سۇغىرىپ تۇرىمەن. مەن ئۇنىڭغا كېچە-كۈندۈز قاراپ، ھېچكىمنى چېقىلدۇرمايمەن. مەن ئەمدى ئۇنىڭغا غەزەپ ياغدۇرمايمەن. خەلقىمنىڭ دۈشمەنلىرى تىكەن ۋە ئازغانلارغا ئوخشاش ئۈنۈپ چىقىۋەرسۇن! مەن دەرھال ئۇلار بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋېتىمەن، ياخشىسى ئۇلار مەندىن پاناھلىق تىلەپ كەلسۇن. مەن بىلەن ياراشسۇن، ئۇلار مەن بىلەن يارىشىۋالسۇن.» ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ يىلتىز تارتىدىغان ۋاقتى كېلىدۇ، ئىسرائىل ئەۋلادلىرى كۆكلەيدىغان چاغ كېلىدۇ. ئۇلار يەر يۈزىنى مېۋىلەرگە تولدۇرىدۇ! پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ دۈشمەنلىرىگە زەربە بەرگەندەك، ئىسرائىللارغىمۇ زەربە بېرەمدۇ؟ ئىسرائىللارنىڭ دۈشمەنلىرىنى ئۆلتۈرگەندەك، ئۇلارنىمۇ ئۆلتۈرەمدۇ؟ ياق! لېكىن پەرۋەردىگار ئۆز خەلقى ئىسرائىللارنى سۈرگۈن قىلىپ جازالايدۇ، ئۇلارنى شەرقتىن كەلگەن شەپقەتسىز بوران بىلەن قوغلايدۇ. لېكىن مۇشۇ يول بىلەن پەرۋەردىگار ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ گۇناھىنى كەچۈرىدۇ. ئۇلار يات دىنلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنىڭ تاشلىرىنى كۇكۇم-تالقان قىلىدۇ، ئىلاھە ئاشېراغا ئاتاپ ياسالغان ياغاچ تۈۋرۈكنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈجە كۆيدۈرىدىغان سۇپىلىرىنى يوقىتىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆتۈرۈۋەتكەندىن كېيىنكى نەتىجە بولىدۇ. سۈرگۈندىن كېيىن مۇستەھكەم شەھەر ئادەمسىز قالىدۇ، پۇقرالىرى شەھەرنى تاشلاپ قېچىپ كېتىپ، شەھەر چۆلدەرەپ قالىدۇ. ئۇ شەھەر قاقاسلىققا ئوخشاپ قالىدۇ. بۇ يەردە كالىلار ئوتلاپ، ئارام ئېلىپ، شاخ-شۇمبىلارنى يەپ يۈرىدۇ. شاخ-شۇمبىلار سۇنۇپ، قۇرۇپ قاقشال بولغاندا، ئاياللار تېرىپ ئەكېلىپ ئوتۇن قىلىدۇ. بۇ خەلق ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدۇ، شۇڭا ياراتقۇچى ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ ئولتۇرمايدۇ، ئۇلارنى ئاپىرىدە قىلغۇچى ئۇلارغا شاپائەت قىلمايدۇ. بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، پەرۋەردىگار سىلەر ئىسرائىللارنى، فىرات دەرياسى ۋە مىسىر چېگراسىدىكى دەريانىڭ ئارىلىقىدىكى يەرلەردىن، خۇددى بۇغداينى ساماندىن ئايرىغاندەك ئايرىپ، بىر-بىرلەپ يىغىۋالىدۇ. بۇ چاغدا بۇرغا چېلىنىدۇ، ئاسسۇرىيەدىكى ئۆلۈم ۋەھىمىسىدە قالغان ۋە مىسىردا سەرسان بولۇپ يۈرگەن ئىسرائىللار قايتىپ كېلىپ، يېرۇسالېمدىكى مۇقەددەس تاغدا پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىدۇ. شىمالىي پادىشاھلىق ھاراقكەشلىرىنىڭ شەرەپلىك تاج-تەختى بولغان مەغرۇر شەھەر سامارىيەنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇ مۇنبەت ساينىڭ ئېگىزلىكىگە جايلاشقان شەھەر ئىدى، ئەمما ئۇنىڭ ئاجايىپ گۈزەللىكى گۈلگە ئوخشاش خازان بولىدۇ. بۇ خەلقنىڭ مەغرۇرلۇقى شاراب بىلەن ۋەيران قىلىنىدۇ. قاراڭلار، پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك ۋە كۈچلۈك بىرسىنى ئەۋەتىدۇ. ئۇ مۆلدۈر، قارا بوران ۋە قارا يامغۇر ئېلىپ كەلگەن كەلكۈندەك كېلىدۇ، بۇ شەھەرنى يەر بىلەن يەكسان قىلىدۇ. شىمالىي پادىشاھلىق ھاراقكەشلىرىنىڭ شەرەپلىك تاج-تەختى بولغان مەغرۇر شەھەر سامارىيە دۈشمەنلىرىنىڭ ئايىغى ئاستىدا چەيلىنىدۇ. ئۇ شەھەر مۇنبەت ساينىڭ ئېگىزلىكىگە جايلاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئاجايىپ گۈزەللىكى گۈلگە ئوخشاش خازان بولىدۇ. ئۇ خۇددى تۇنجى پىشقان ئەنجۈردەك بولۇپ، پىشقان ھامان يۇلۇۋېلىنىپ، يۇتۇۋېتىلىدۇ. بۇ چاغدا قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، قايتىپ كەلگەن ئاز بىر قىسىم خەلقىنىڭ شەرەپلىك، گۈزەل، تاج-تەختى بولىدۇ. ئۇ، خەلقنىڭ سوتچىلىرىغا ئادالەتنى ئاتا قىلىدۇ. شەھەر سېپىلىنى قوغدايدىغان ئەزىمەتلەرگە كۈچ بېرىدۇ. لېكىن، پەيغەمبەرلەر ۋە روھانىيلار شاراب بىلەن مەست بولىدۇ، ئۇلار كۈچلۈك شارابلارنى ئىچىپ، ئىرغاڭلاپ يۈرۈشىدۇ. ئۇلار شاراب بىلەن مەست بولۇپ، قايمۇقۇپ قالىدۇ. ئۇلار دەلدەڭشىپ يۈرۈشىدۇ. پەيغەمبەرلەر ئۆزلىرىگە كەلگەن ۋەھىيلەرنى چۈشىنەلمەيدۇ، روھانىيلار خاتا ھۆكۈملەرنى چىقىرىشىدۇ. ئۇلارنىڭ شىرەلىرى قۇسۇقلارغا تولۇپ، ھەممە يېرى بۇلغىنىپ كېتىدۇ. ئۇلار خۇدا توغرۇلۇق: «ئۇ كىمگە ئەقىل ئۆگىتىدۇ؟ ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى كىم چۈشىنىدۇ؟ ئەمچەكتىن ئەمدىلا ئايرىلغان، ئانىسىنىڭ قۇچىقىدىن ئەمدىلا چىققان گۈدەكلەرگە سۆزلەۋاتامدۇ؟ ئۇ بىزگە، ئۇنى قىل، بۇنى قىل، ئۇ يەردە، بۇ يەردە دېگەندەك، چۈشىنىكسىز گەپلەر بىلەن تەلىم بېرىۋاتىدىغۇ؟!» دېيىشىدۇ. ئۇنداق بولسا، پەرۋەردىگار غەيرىي تىلدا سۆزلەيدىغانلار ئارقىلىق، يات مىللەتلەرنىڭ ئاغزى ئارقىلىق، بۇ خەلققە سۆزلىسۇن. بۇرۇن پەرۋەردىگار بۇ خەلققە مۇنداق دېگەنىدى: «بۇ بىر ئارام ئالىدىغان جاي، سىلەر ھارغىنلىق يەتكەنلەرگە ئاراملىق بېرىڭلار! بۇ، كىشىلەر ئارام ئالسا بولىدىغان جاي.» بىراق بۇ خەلق ئاڭلاشنى خالىمىدى. شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارغا قىلغان سۆزلىرى ئۇلارغا «ئۇنى قىل، بۇنى قىل، ئۇ يەردە، بۇ يەردە» دېگەندەك چۈشىنىكسىز ئاڭلىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار ماڭغاندا يىقىلىدۇ، يارىلىنىدۇ، تۇزاققا چۈشۈپ تۇتۇلىدۇ. ئەي، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى مازاق قىلغۇچىلار، يەنى يېرۇسالېمدا خەلققە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلار، سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار! سىلەر مۇنداق دەيسىلەر: «بىز ئۆلۈم بىلەن كېلىشىم تۈزدۇق، بىز گۆر بىلەن توختاملاشتۇق. دەھشەتلىك بالايىئاپەت كەلگەندە، بېشىمىزغا چۈشمەيدۇ. بىز يالغانچىلىق بىلەن قوغدىنىمىز، بىز چىرايلىق گەپلەر بىلەن ئۆزىمىزنى يوشۇرىمىز.» ئىگەم پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىئون تېغىغا بىر تاش قويىمەن، ئۇ سىناقتىن ئۆتكەن قىممەتلىك تاشتۇر، ئۇ مۇستەھكەم بىر ئىمارەتنىڭ ئۇل تېشىدۇر، بۇ تاشقا ئىشىنىپ، ئۇنىڭغا تايانغان ئادەم خاتىرجەم تۇرىدۇ. مەن بىر ئادالەت سىزىقى تارتىمەن، ھەققانىيلىقنى سىناش سىزىقى قىلىمەن. يالغانچىلىق بىلەن قۇرۇلغان پاناھلىق جاينى مۆلدۈرلەر ۋەيران قىلىدۇ. كەلكۈنلەر سىلەرنىڭ دالدىلانغان جايىڭلارنى بېسىۋالىدۇ. سىلەرنىڭ ئۆلۈم بىلەن تۈزگەن كېلىشىمىڭلار بىتچىت بولىدۇ. سىلەرنىڭ گۆر بىلەن تۈزگەن توختىمىڭلار بىكار بولىدۇ. دەھشەتلىك بالايىئاپەت كەلگەندە، سىلەر يەر بىلەن يەكسان بولىسىلەر. ھەر قېتىم بالايىئاپەت كەلگەندە، سىلەرنى يالماپ كېتىدۇ. شۇنداق، ھەر كۈنى سەھەر ئۇ يامراپ كېلىدۇ. ئۇ كېچىسىمۇ، كۈندۈزىمۇ كېلىدۇ.» ئەگەر سىلەر بۇ سۆزلەرنى چۈشەنگەن بولساڭلار، ۋەھىمىگە چۈشكەن بولاتتىڭلار! «تۆشەك كىچىك ياتقىلى بولماس، يوتقان تار ياپقىلى بولماس» ، دېگەن ماقالنى بىلىسىلەر. پەرۋەردىگار ئىلگىرى پىرئازىم تېغىدا ئۇرۇش قىلغاندەك ئۇرۇش قىلىدۇ. ئۇ گىبئون جىلغىسىدا غەزەپلەنگەندەك غەزەپكە كېلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىرادىسىغا يات بىر ئىشنى قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ كۈتۈلمىگەن ئىشىنى قىلىپ، ئۇنى تاماملايدۇ. مازاق قىلىشنى توختىتىڭلار، بولمىسا سىلەرنىڭ بوينۇڭلاردىكى زەنجىر تېخىمۇ چىڭىيدۇ. ئىگەم _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭا: «بۇ زېمىننى ۋەيران قىلىش بېكىتىلىپ بولدى!» دېدى. مېنىڭ سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! مېنىڭ دېگەنلىرىمنى دىققەت قىلىپ ئاڭلاڭلار! دېھقان كۈندە قايتا-قايتا يەر ئاغدۇرۇۋېرەمدۇ؟ ئۇ تېرىقچىلىق قىلماي تۇپراقنى ئاغدۇرۇۋېرەمدۇ؟ ياق! ئۇ يەرنى تەكشى تۈزلەپ، ئاندىن سېرىقچېچەك ئۇرۇقى ۋە زېرە ئۇرۇقى چاچىدۇ. ئۇ يەرنى يۇمشىتىپ، بۇغداي تېرىيدۇ، قىر ئېلىپ ئارپا تېرىيدۇ، يەنە ئېتىز ئەتراپلىرىغا باشقا زىرائەتلەرنى تېرىيدۇ. چۈنكى، خۇدا ئۇنىڭغا تەلىم بېرىپ توغرا يولنى كۆرسىتىدۇ. سېرىقچېچەك ئۇرۇقىنى تىرنا بىلەن ئايرىغىلى بولمايدۇ، زىرە ئۇرۇقىنى تاش تۇلۇق بىلەن تەپكىلى بولمايدۇ. سېرىقچېچەك ئۇرۇقىنى چىۋىق بىلەن، زىرە ئۇرۇقىنى توقماق بىلەن ئايرىغۇلۇق. نان ياسايدىغان ئاشلىقنى ئېزىش ئاسان، شۇڭا ھېچكىم ئۇنى يەنە يەنجىۋەرمەيدۇ. بۇغداينى تاش تۇلۇق بىلەن خاماندا تەپكەندە، ئۇنى ھەرگىزمۇ قاتتىق ئەزمەيدۇ. بۇ پاراسەتلەرنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆگەتكەن. ئۇنىڭ تەلىملىرى ئىنتايىن ئورۇنلۇق. ئۇنىڭ پاراسىتى قالتىستۇر. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي يېرۇسالېم _ داۋۇت بارگاھ قۇرغان شەھەر ئارىئېل ، سېنىڭ ھالىڭغا ۋاي! سېنىڭ ئادەملىرىڭ بايراملىرىنى تەبرىكلەپ ئويناۋەرسۇن. ئەمما مەن ئارىئېلنى بىر مۈشكۈلاتقا دۇچار قىلىمەن، بۇ شەھەر پەرياد كۆتۈرۈپ، نالە قىلسۇن. مەن بۇ يەرنى قۇربانلىق سۇپىسى قىلىمەن. مەن سېنىڭ ھەممە تەرىپىڭگە بارگاھ قۇرىمەن، ئەتراپىڭغا مۇنارلارنى ياسايمەن، سېپىلىڭغا توپا دۆۋىلەپ، ھۇجۇم قىلىمەن. سەن يىقىلىپ چۈشۈپ، توپىدا يېتىپ سۆزلەيسەن. سېنىڭ سۆزلىرىڭ توپىدىن ئارانلا ئاڭلىنىدۇ. سېنىڭ ئاۋازىڭ يەر ئاستىدىن كەلگەن جىننىڭ ئاۋازىدەك ئاڭلىنىدۇ. سېنىڭ سۆزلىرىڭ تۇپراقتىن كەلگەن پىچىرلاشتەك بىلىنىدۇ. ئەمما سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭ تۇيۇقسىزدىن توپىدەك توزۇپ كېتىدۇ. سېنىڭ نۇرغۇن رەقىبلىرىڭ شامالدىكى چاڭ-توزاندەك يوقاپ كېتىدۇ. بۇ ئىشلار ئىنتايىن تۇيۇقسىز، ھەش-پەش دېگۈچە يۈز بېرىدۇ. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار خۇددى گۈلدۈرمامىدەك، يەر تەۋرىگەندەك دەھشەتلىك بىر ئاۋاز بىلەن كېلىدۇ. جۇدۇن-چاپقۇن، قارا بوران ۋە ئۇلغىيىپ كۆيۈۋاتقان ئوت بىلەن كېلىدۇ. ئارىئېل بىلەن ئۇرۇش قىلغان، ئۇنىڭ سېپىللىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، خەلقىگە ئازاب سالغان بارلىق دۆلەتلەر خۇددى كېچىدىكى چۈشتەكلا غايىب بولىدۇ! ئاچ قالغان كىشىلەر چۈشىدە تاماقلانغاندەك، ئەمما ئويغانغاندا يەنىلا ئاچ قورساق تۇرغاندەك، چاڭقاپ كەتكەن كىشىلەر چۈشىدە ئۇسسۇلۇق ئىچكەندەك، ئەمما ئويغانغاندا يەنىلا ئۇسسىز، ھارغىن قوپقاندەك بولىدۇ. مانا بۇ، سىئون تېغىغا ھۇجۇم قىلغان سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنىڭ ھالى.» چۆچۈپ كېتىڭلار، ھاڭ-تاڭ بولۇپ قېلىڭلار! ئەمالاردەك يۈرۈۋېرىڭلار! سىلەر مەست، بىراق شارابتىن ئەمەس. سىلەر دەلدەڭىشىپ ماڭىسىلەر، ئەمما بۇ شاراب ئىچكىنىڭلاردىن ئەمەس. پەرۋەردىگار سىلەرگە قاتتىق ئۇيقۇ بەردى. پەيغەمبەرلىرىڭلارنىڭ كۆزلىرى يۇمدۇرۇلۇپ قويۇلغان. غايىبنى بىلگۈچىلەرنىڭ بېشى چۈمكەپ قويۇلغان. مەن سىلەرگە مۇناسىۋەتلىك بېشارەتلىك ۋەھىيلەرنىڭ ھەممىسىنى سۆزلەپ بەردىم. بۇ سىلەر ئۈچۈن پېچەتلەگلىك دەستۇرغا ئوخشايدۇ. ئەگەر بۇنى ئوقۇيالايدىغان كىشىلەرگە ئوقۇش ئۈچۈن بېرىلسە، ئۇلار: «بىز ئوقۇيالمايمىز، چۈنكى بۇ دەستۇر پېچەتلەگلىك ئىكەن» دەيدۇ. ئەگەر بۇنى ئوقۇيالمايدىغان كىشىلەرگە ئوقۇش ئۈچۈن بېرىلسە، ئۇلار: «بىز ئوقۇشنى بىلمەيمىز» دەيدۇ. ئىگەم مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئادەملەر ماڭا ئېغىزىدىلا ئېتىقاد قىلىدۇ، تىلىنىڭ ئۇچىدىلا مېنى ئۇلۇغلايدۇ، ئۇلارنىڭ يۈرىكى مەندىن يىراق. ئۇلارنىڭ ماڭا قىلغان ئىبادىتى پەقەت ئۇلارنىڭ ئادەت-قائىدىلىرىدىن بولغان. شۇ سەۋەبتىن، مەن بۇ خەلققە، ئۇلارنى چۆچۈتىدىغان پەۋقۇلئاددە ئىشلارنى قايتا-قايتا قىلىمەن. ئۇلارنىڭ ئاقىللىرى ئەقىلسىز بولۇپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ پاراسەتلىك كىشىلىرى، پاراسەتسىز بولۇپ قالىدۇ!» ئۆزلىرىنىڭ پىلانىنى پەرۋەردىگاردىن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار ئۆز ئىشلىرىنى قاراڭغۇدا يوشۇرۇنچە قىلىدۇ ۋە ئويلايدۇ: «بىزنى كىم كۆرىدۇ؟ بىزنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىمىزنى كىم بىلىدۇ؟» سىلەر ئەخمەق! سىلەر ھېچنېمىنى چۈشەنمەيسىلەر! كۇلالچى بىلەن لاي تەڭ ئورۇندا تۇرامدۇ؟ نەرسىلەر ئۆزىنى ياسىغۇچىنى «ئۇ مېنى ياسىمىغان» دەمدۇ؟ ساپال قاچا كۇلالچىنى «ئۇ ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدۇ» دەمدۇ؟ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە لىۋان مۇنبەت بىر زېمىنغا ئايلىنىدۇ، بۇ مۇنبەت زېمىن ئورمانلىققا ئايلىنىدۇ. شۇ چاغدا گاس ئادەملەر دەستۇرلاردىن ئوقۇلغان سۆزلەرنى ئاڭلايدۇ، قاراڭغۇ زۇلمەتتىكى ئەمالار كۆرىدۇ. پەرۋەردىگارنىڭ قىلغانلىرىدىن ئاجىزلار قايتىدىن خۇشاللىققا چۆمىدۇ. يوقسۇللار، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدادىن شادلىنىدۇ. زالىملار يوقىلىدۇ، مازاق قىلغۇچىلار ۋەيران بولىدۇ. يامانلىققا ھېرىسمەنلەرنىڭ ھەممىسى تۈگىشىدۇ. بۇلار كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ يالغان گۇۋاھلىقى بىلەن زىيانكەشلىك قىلغۇچىلاردۇر. بۇلار ھۆكۈم چىقارغۇچىلارنى ئالداپ، خاتا ھۆكۈم چىقارغۇزغۇچىلاردۇر. يالغان سۆزلەپ، گۇناھسىز كىشىلەرگە ئادالەتسىزلىك قىلغۇچىلاردۇر. ئىبراھىمنى قۇتقۇزۇۋالغان پەرۋەردىگار ياقۇپ ئەۋلادلىرى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ئەمدى نومۇس قىلىپ ئولتۇرمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئەمدى يۈزى تۆكۈلمەيدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆز ئەۋلادلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مېنىڭ قىلغان ئىشلىرىمنى كۆرسە، مېنىڭ نامىمغا ھۆرمەت كەلتۈرىدۇ. ئۇلار، ياقۇپنى تاللىغان مەن مۇقەددەس خۇداغا ھۆرمەت ياغدۇرىدۇ. ئۇلار، ئىسرائىللارنى تاللىغان مەن خۇدانى چوڭقۇر ھۆرمەت قىلىدۇ. يولدىن ئازغانلار ھەقىقەتنى چۈشىنىدۇ، ئاغرىنغۇچىلار تەلىمنى ئاڭلايدىغان بولىدۇ.» پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ئاسىي بالىلىرىمنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار ئۆز پىلانلىرىنى ئىجرا قىلىپ، مېنىڭ پىلانىمنى ئىجرا قىلمايدۇ. ئۇلار مېنىڭ روھىمغا تايانماي، ئۆز ئالدىغا ئىتتىپاق تۈزۈشىدۇ. ئۇلار گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ سادىر قىلدى. ئۇلار مېنىڭ رۇخسىتىمسىز مىسىرغا باردى. ئۇلار پىرئەۋندىن ئۆزلىرىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىشتى. ئۇلار مىسىردىن پاناھلىق ئىزدەشتى. ئەمما پىرئەۋننىڭ ھىمايىسىگە تايىنىش، ئۇلارغا نومۇس ئېلىپ كېلىدۇ، مىسىرنىڭ پاناھلىقى سىلەرنى خارلىقتا قالدۇرىدۇ. گەرچە يەھۇدىيەنىڭ ئەمىرلىرى ۋە ئەلچىلىرى مىسىرنىڭ زوئان شەھىرى ۋە خانېس شەھىرىگە بارغان بولسىمۇ، يەھۇدىيە خەلقى نومۇسقا قالىدۇ. چۈنكى ئۇ ئەل ئۇلارغا ياردەم قىلمايدۇ. ئۇ ئەل ئۇلارغا ياردەم بېرەلمەيدۇ. ئۇلارغا پەقەت نومۇس ۋە خارلىق ئېلىپ كېلىدۇ.» يەھۇدىيەنىڭ جەنۇبىي چۆللۈكىدىكى ھايۋانلار توغرىسىدىكى ۋەھىي: «يەھۇدىيەنىڭ ئەلچىلىرى ئېشەكلەرگە بايلىقلارنى ئارتىپ، تۆگىلەرگە خەزىنىلىرىنى يۈكلەپ، شىرلار ۋە زەھەرلىك يىلانلار ماكانلاشقان خەتەرلىك زېمىنلاردىن ئېغىر مۈشكۈلات ۋە جاپالار بىلەن ئۆتۈپ، ئۆزلىرىگە قىلچىمۇ ياردەم قىلالمايدىغان بىر دۆلەتكە ئاپىرىپ بېرىدۇ. مىسىرنىڭ ياردىمى ئەسقاتمايدۇ، ھېچقانداق پايدىسى يوقتۇر. مېنىڭ ئۇنى: ‹جىملا ئولتۇرىدىغان راخاب › دەپ ئاتىشىمنىڭ سەۋەبى شۇ.» پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «ئەمدى بېرىپ، يەھۇدىيە خەلقىنىڭ ئالدىدا تاش تاختىغا بۇ ئىشلارنى خاتىرە قىلىپ ئويغىن. بۇ ئىشلاردىن دەستۇر پۈتكىن. كەلگۈسىدىكىلەرگە مىراس قىلغىن، بۇ پۈتۈكلەر مەڭگۈ گۇۋاھچى بولسۇن. بۇ خەلق ئاسىيدۇر، يالغانچى بالىلاردۇر. بۇ بالىلار پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمىنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئۇلار غايىبنى بىلگۈچىلەرگە: ‹غايىبانە ئالامەتلەرنى سۆزلىمەڭلار!› دەيدۇ. ئۇلار پەيغەمبەرلەرگە: ‹بىزگە توغرا-خاتا توغرىسىدىكى ۋەھىيلەرنى يەتكۈزمەڭلار. بىزگە شېرىن سۆزلەرنى قىلىڭلار، بىزگە خىيالىي، يالغان نەرسىلەرنى سۆزلەپ بېرىڭلار. پەيغەمبەرلىك يولۇڭلاردا ماڭماڭلار! ۋەھىي يەتكۈزۈشنى توختىتىڭلار! خۇدايىڭلارنىڭ نېمىلەرنى دېگەنلىكىنى سۆزلەشتىن توختاڭلار!› دەيدۇ.» شۇڭا، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمنى رەت قىلدىڭلار. سىلەر زۇلۇمغا ۋە ئالدامچىلىققا تاياندىڭلار. شۇڭا سىلەرنىڭ گۇناھىڭلار دۆۋىلىنىپ، يېرىلغان ئېگىز تامغا ئوخشايدۇ. ئۇ ئۆرۈلۈشكە تەييار تۇرىدۇ. تۇيۇقسىز گۈمۈرۈلۈپ چۈشىدۇ. ئۇ خۇددى يەرگە چۈشكەن كومزەك پارچە-پارچە بولۇپ كەتكەندەك، شۇنچىلىك پارچىلىنىپ كېتىدۇكى، ئوچاقتىن قوقاس ئالغۇدەك پارچىسىمۇ، كۆلچەكتىن سۇ ئالغۇدەك پارچىسىمۇ قالمايدۇ.» ئىگەم پەرۋەردىگار، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىلەر يولۇمغا قايتىپ كېلىپ، خاتىرجەملىك بىلەن ماڭا ئىشەنسەڭلار، قۇتقۇزۇلىسىلەر. سىلەر سۈكۈت قىلىپ، ماڭا تايانساڭلار، كۈچلۈك بولىسىلەر. لېكىن سىلەر ئۇنداق قىلىشنى خالىمايسىلەر. سىلەر: ‹ياق! بىز ئاتلىرىمىز بىلەن قاچىمىز› دەيسىلەر. شۇنداق، سىلەر قاچىسىلەر. سىلەر دەيسىلەر: ‹بىز تېز چاپىدىغان ئاتلىرىمىزغا مىنىمىز›. شۇنداق، لېكىن سىلەرنى قوغلىغانلار تېخىمۇ تېز چاپىدۇ. سىلەرنى قوغلىغانلارنىڭ بىر ئادىمىدىن، مىڭ ئادىمىڭلار قورقۇپ، قاچىدۇ. ئۇلارنىڭ بەش ئادىمىدىن، سىلەرنىڭ پۈتۈن قوشۇنۇڭلار قورقۇپ، قاچىدۇ. سىلەر خۇددى تاغدىكى يالغۇز بايراق خادىسىدەك، ياكى يىراق تاغ چوققىسىدىكى بايراقتەك، يېگانە قالىسىلەر.» پەرۋەردىگار سىلەرگە رەھىمدىللىك قىلىشنى كۈتۈۋاتىدۇ، ئۇ سىلەرگە ھېسداشلىق قىلىشقا دائىم تەييار. چۈنكى پەرۋەردىگار ئادالەتلىك خۇدادۇر. ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلىغانلار بەختلىك بولىدۇ. ئەي سىئون تېغىدىكى خەلق _ يېرۇسالېمدا ياشاۋاتقان خەلقلەر، سىلەر ئەمدى يىغلىمايسىلەر. ئەگەر سىلەر ياردەم تىلىسەڭلار، ئۇ سىلەردىن شەپقىتىنى ئايىمايدۇ. ئۇ سىلەرنىڭ نالەڭلەرنى ئاڭلىغاندا، سىلەرگە ياردەم قىلىدۇ. گەرچە ئىگىمىز سىلەرگە بالا-قازادىن غىزا ۋە مۈشكۈلاتتىن ئۇسسۇلۇق بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن سىلەرنىڭ ئۇستازىڭلار خۇدا ئۆزىنى ئەمدى سىلەردىن يوشۇرمايدۇ. سىلەر ئۇنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرىسىلەر. سىلەر توغرا يولدىن ئېزىپ، ئوڭغا ياكى سولغا چەتنەپ كەتسەڭلار، ئارقاڭلاردىن كەلگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلايسىلەر: «ئۇدۇلغا مېڭىڭلار! ئۇ توغرا يول!» ئاندىن سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ كۈمۈش ۋە ئالتۇن بىلەن قاپلانغان بۇتلىرىڭلارنى چېقىپ تاشلايسىلەر. سىلەر ئۇلارنى ئەسكى كىيىمنى تاشلىۋەتكەندەك تاشلىۋېتىسىلەر ۋە ئۇلارغا «كۆزۈمدىن يوقال!» دەيسىلەر. پەرۋەردىگار ئېتىزىڭلارغا تېرىلغان ئۇرۇقلارغا يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ. زېمىنىڭلار مول ھوسۇل بېرىپ، باياشاتچىلىق بولىدۇ. شۇ چاغدا سىلەرنىڭ مال-چارۋىلىرىڭلار كەڭ يايلاقلاردا ئوتلايدۇ. سىلەرنىڭ ئېتىزىڭلارنى ئاغدۇرىدىغان ئۆكۈز ۋە ئېشەكلەر ئەڭ ياخشى يەم-خەشەكلەرنى يەيدۇ. سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلار قىرىلىپ، شەھەر مۇنارلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن شۇ كۈنى، ھەربىر چوقا ۋە تاغلاردىن سۈپسۈزۈك ئېرىق-ئېرىق سۇلار ئېقىپ كېلىدۇ. پەرۋەردىگار ئۆزى جاراھەتلەندۈرگەن خەلقىنىڭ يارىلىرىنى تېڭىپ، ئۇلارنىڭ يارىلىرىغا شىپالىق بېرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاي نۇرى خۇددى قۇياشتەك پارلايدۇ. قۇياشمۇ خۇددى يەتتە كۈنلۈك قۇياش نۇرى قوشۇلغاندەك، يەتتە ھەسسە يورۇقلۇق بېرىدۇ. قاراڭلار! پەرۋەردىگار يىراقلاردىن كېلىۋاتىدۇ. ئۇ غەزەپ ئوتلىرىنى چاچرىتىپ، قويۇق كۆتۈرۈلگەن ئىسلار ئىچىدە كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ سۆزلىرى غەزەپكە تولغان، ئۇنىڭ تىلى گويا يالقۇنلاپ تۇرغان ئوت. ئۇنىڭ نەپەسلىرى دۈشمەنلىرىنى بوغۇزىغىچە چۆكۈرۈۋېتىدىغان كەلكۈنگە ئوخشايدۇ. ئۇ، ۋەيران قىلىنىدىغان دۆلەتلەرنى ئەلگەكتە تاسقىغاندەك تاسقايدۇ. ئۇ، ئۇلارغا يۈگەن سېلىپ، ئۇلارنى خارابىلىككە باشلاپ بارىدۇ. ئەمما خۇدانىڭ ئۆز خەلقى بولغان سىلەر خۇددى ھېيت كېچىسىدىكىدەك، ناخشاڭلارنى ياڭرىتىسىلەر. خۇددى كىشىلەر نەي چېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا ماڭغاندەك، خۇددى ئىسرائىللارنى قوغداپ كەلگەن قورام تاشقا ماڭغاندەك، سىلەرنىڭ قەلبىڭلار شادلىققا تولىدۇ. خۇددى ئۇلۇغ ئوت ھەممە نەرسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدىغاندەك، خۇددى جۇدۇن-چاپقۇن ئېلىپ كەلگەن قارا يامغۇر بىلەن مۆلدۈردەك، پەرۋەردىگار ئۇلۇغ ئاۋازىنى ھەممە ئادەمگە ئاڭلىتىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ جازالايدىغان غەزەپلىك قولىنى ھەممە ئادەمگە كۆرسىتىدۇ. ئاسسۇرلار پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، قورققىنىدىن شۈركىنىپ كېتىدۇ. ئۇ جازا كالتىكى بىلەن ئۇلارنى ئۇرىدۇ. ھەر قېتىم پەرۋەردىگار ئۇلارنى جازا كالتىكى بىلەن ئۇرغاندا، ئىسرائىللارنىڭ داپ ۋە چىلتارلىرىنىڭ ئاۋازلىرى ئاڭلىنىدۇ. پەرۋەردىگار ئۇلارنى جازالاش ئۈچۈن قولىنى كۆتۈردى. پەرۋەردىگار بۇرۇنلا ئاسسۇر پادىشاھىنى كۆيدۈرىدىغان جاي تەييارلاپ قويغان. ئوت ئازگىلى چوڭقۇر ھەم كەڭ، ئۇنىڭدا نۇرغۇن ئوتۇنلار بار. پەرۋەردىگارنىڭ نەپىسى خۇددى يانارتاغ بولۇپ، ئۇنىڭغا ئوت تۇتاشتۇرىدۇ. مىسىردىن ياردەم سورىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى مىسىرلىقلارنىڭ ئاتلىرىغا باغلىدى، ئۈمىدلىرىنى مىسىرنىڭ كۆپلىگەن جەڭ ھارۋىلىرىغا، جەڭ ھارۋىلىرىنى ھەيدەيدىغان نۇرغۇن ھارۋىكەشلىرىگە باغلىدى، ئۇلار ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغا تايانمىدى. ئۇلار پەرۋەردىگاردىن ياردەم تىلىمىدى. پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن دانادۇر ۋە يەنە بالا-قازا ئېلىپ كېلەلىگۈچىدۇر. ئۇ ئۆز سۆزىدىن يانمايدۇ. ئۇ رەزىللىك قىلغۇچىلارغا، ۋە ئۇلارغا ياردەم بەرگۈچىلەرگە قارشى ئاتلىنىدۇ. مىسىرلىقلار ئىنساندۇر، ئىلاھ ئەمەس! ئۇلارنىڭ ئاتلىرى پەقەت گۆشتۇر، روھ ئەمەس! پەرۋەردىگار ئۇلارنى جازالاش ئۈچۈن قولىنى كۆتۈرگەندە، ياردەم بەرگۈچىلەر يىقىلىدۇ، ياردەم سورىغانلارمۇ تۈگىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ، تۈگەيدۇ. پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «شىرلار ئۆزى ئۆلتۈرگەن ئولجىنىڭ ئۈستىدە ھۆركىرەيدۇ. شىر ئۆزىنى قوغلىۋەتمەكچى بولغان قويچىلارنىڭ ۋارقىراشلىرىغا پىسەنت قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ سۈرەن سېلىشلىرىدىن قورقۇپ قالمايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىئون تېغىغا چۈشۈپ، ئۇرۇش قىلىمەن. خۇددى بىر قۇش ئۆز ئۇۋىسى ئەتراپىدا پەرۋانە بولۇپ، ئۇۋىسىنى قوغدىغانغا ئوخشاش، مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يېرۇسالېمنى قوغدايمەن، شەھەرنى قوغداپ، قۇتقۇزىمەن، يېرۇسالېمنى پاناھىمغا ئېلىپ، قۇتۇلدۇرىمەن.» ئەي ئىسرائىل خەلقى، سىلەر شۇ قەدەر ۋاپاسىزلىق بىلەن ئاسىيلىق قىلدىڭلار. ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتىڭلار! شۇندىلا، ھەممىڭلار گۇناھقا پاتقان قولۇڭلار بىلەن كۈمۈش ۋە ئالتۇندىن ياسىغان بۇتلىرىڭلارنى تاشلىۋېتىسىلەر. «ئاسسۇرلار پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچى بىلەن ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئىنسانلار ياسىمىغان بۇ قىلىچ ئۇلارنى ۋەيران قىلىدۇ. ئۇلار ئىنساننىڭ قولى بىلەن ياسالمىغان بۇ قىلىچتىن قاچىدۇ. ئۇلارنىڭ يىگىتلىرى قۇل قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەڭ جەسۇر لەشكەرلىرىمۇ قورقۇنچتىن تىترەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇرۇش تۇغىنى كۆرگەندە قېچىپ كېتىدۇ.» مانا بۇلار، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر. پەرۋەردىگارنىڭ ئوتى سىئون تېغىدا لاۋىلدىسا، ھالاكەت ئوتى يېرۇسالېمدىدۇر. قاراڭلار! كەلگۈسىدە بىر پادىشاھ ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ ۋەزىرلىرى ئادالەت بىلەن يۇرت سورايدۇ. ئۇلار بوراندىن دالدىلىنىدىغان پاناھلىق جايغا، جۇدۇن-چاپقۇندىن پاناھلىنىدىغان جايغا ئوخشايدۇ. ئۇلار قاغجىرىغان يەرنى سۇغىرىدىغان ئېقىن سۇلارغا ئوخشايدۇ. قاتتىق ئىسسىق يەردىكى قورام تاشنىڭ سالقىن سايىسىغا ئوخشايدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ كۆزلەر كۆرىدىغان بولىدۇ، قۇلاقلار ئوچۇق ئاڭلايدىغان بولىدۇ. ئالدىراقسانلار چۈشىنىشكە باشلايدۇ، كېكەچلەر راۋان ۋە ئوچۇق سۆزلەيدىغان بولىدۇ. ئەخمەقلەر «ئالىيجاناب» دەپ ئىززەتلەنمەيدىغان بولىدۇ. مەككارلار ئىززەت-ھۆرمەتلىك بولالمايدۇ. ئەخمەقلەر ئەخمەقلەرچە سۆزلەپ، رەزىل پىلانلارنى تۈزىدۇ، ئۇلار گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، پەرۋەردىگار توغرىسىدا خاتا تەلىملەرنى تارقىتىدۇ، ئۇلار ئاچ قالغانلارنى تائامسىز، ئۇسسۇغانلارنى سۇسىز قويىدۇ. مەككارلارنىڭ ئۇسۇللىرى رەزىلدۇر. يوقسۇللارنىڭ تەلەپلىرى توغرا بولسىمۇ، ئۇلار ھىيلە-مىكىرلىك پىلانلارنى تۈزۈپ چىقىپ، يوقسۇللارنى يالغان گۇۋاھلىقى بىلەن ۋەيران قىلىدۇ. ئەمما ئالىيجاناب ئادەملەر، ئالىيجاناب پىلانلارنى تۈزىدۇ. ئۇلار ئالىيجاناب ئىشلاردا چىڭ تۇرىدۇ. كېلىڭلار، ئەي غەمدىن خالىي ئاياللار، مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار. تۇرمۇشى خاتىرجەم خېنىملار، مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار. غەمسىز يۈرۈۋاتقان سىلەرگە بىر يىلدىن كېيىن قورقۇنچ كېلىدۇ. ئۈزۈم تەكلىرىدىن ھوسۇل چىقمايدۇ، باشقا مېۋىلەردىنمۇ ھوسۇل ئالالمايسىلەر. قورقۇنچتىن تىترەڭلار غەمسىز خېنىملار، ۋەھىمىدىن شۈركىنىپ كېتىڭلار خاتىرجەملىكتە ياشاۋاتقانلار. ئېسىل كىيىمىڭلارنى سېلىۋېتىپ، ئۈستۈڭلەرگە ماتەملىك كىيىم كىيىپ، قايغۇرۇڭلار! بۇرۇن باياشات بولغان ئېتىزلار ۋە مول ھوسۇللۇق ئۈزۈملۈكلەر ئۈچۈن مەيدەڭلەرگە ئۇرۇپ يىغلاڭلار. سىلەرنىڭ ئېتىزلىرىڭلارنى تىكەن ۋە ئازغانلار بېسىپ كېتىدۇ. سىلەرنىڭ شاد-خۇرام ئائىلەڭلار ۋە كۆڭۈللۈك شەھىرىڭلار يوق بولىدۇ. ئوردىلار تاشلىنىپ قالىدۇ. شاۋقۇنلۇق شەھەرلەر قاقاسلىشىدۇ. قورغان ۋە مۇنارلار ئادەمسىز، قۇپقۇرۇق بولۇپ قالىدۇ. بۇ يەر ياۋا ئېشەكلەرنىڭ يايرايدىغان، قويلارنىڭ ئوتلايدىغان جايىغا ئايلىنىدۇ. بۇ ئەھۋال خۇدا ئۆز روھىنى ئەرشتىن بىزگە چۈشۈرگۈچە داۋاملىشىدۇ. ئۇ چاغ كەلگەندە قاقاسلىقلار مۇنبەت زېمىنغا ئايلىنىدۇ. بۇ مۇنبەت زېمىن ئورمانلىققا ئايلىنىدۇ. ھەققانىيەت مۇنبەت زېمىندا ھۆكۈم سۈرىدۇ، ھەتتا چۆللۈكتىمۇ ئادالەت ماكانلىشىدۇ. ھەققانىيەتنىڭ نەتىجىسى تىنچلىق بولىدۇ، ئۇ مەڭگۈ خاتىرجەملىك ۋە بىخەتەرلىكنى ئېلىپ كېلىدۇ. مېنىڭ خەلقىم تىنچ زېمىندا ياشايدۇ، بىخەتەر ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ، تىنچ جايلاردا ئارام ئالىدۇ. مەيلى مۆلدۈرلەر ئورمانلارنى ۋەيران قىلىۋەتسۇن ياكى شەھەرلەرنى يوق قىلىۋەتسۇن، سىلەرگە يەنىلا بەخت ھەمراھ بولىدۇ. ئېرىق بويلىرىغا ئۇرۇق چاچىسىلەر، كالا ۋە ئېشەكلىرىڭلارنى ئەركىن ئوتلاشقا قويۇپ بېرىسىلەر. ئەي، باشقىلارنى ۋەيران قىلىپ، ئۆزى ۋەيران قىلىنمىغانلار، سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي! ئەي ئالدامچىلار، ئۆزى ئالدام خالتىغا چۈشمىگەنلەر، سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي! سىلەر ۋەيران قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزۈڭلار ۋەيران بولىسىلەر. سىلەر ئالدامچىلىق قىلغاندىن كېيىن، ئۆزۈڭلار ئالدىنىسىلەر. ئى پەرۋەردىگار، بىزگە رەھىم قىلغىن! بىز ساڭا ئۈمىد باغلاپ، كۈتۈپ تۇرىمىز. ھەر كۈنى بىزگە كۈچ-قۇدرەت بەرگىن. بېشىمىزغا كۈلپەت چۈشكەندە بىزنى قۇتقۇزغىن. يات خەلقلەر سېنىڭ گۈلدۈرلىگەن ئاۋازىڭدىن قورقۇپ، قاچىدۇ. سەن ئورنۇڭدىن دەس تۇرساڭ، دۈشمەن تەرەپ-تەرەپكە تارقىلىپ كېتىدۇ! چېكەتكىلەر زىرائەتلەرنى يەۋەتكەندەك، يات خەلقلەرنىڭ يىغىۋالغان ئولجىلىرىمۇ يوق بولىدۇ. خەلق چېكەتكىلەر يىغىلغاندەك يىغىلىپ، ئۇلارنىڭ ئولجىلىرىغا تاشلىنىدۇ. پەرۋەردىگار ئۇلۇغدۇر، ئۇ ئەرشتە ياشايدۇ. ئۇ سىئون تېغىنى ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن تولدۇرىدۇ. ئۇ سىلەرنىڭ ھاياتىڭلارغا مۇقىم خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇ سىلەرنىڭ بىخەتەرلىك، دانالىق ۋە بىلىم مەنبەيىڭلاردۇر. پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەنلىك سىلەرنىڭ بايلىقىڭلاردۇر. بىلىڭلار، سىلەرنىڭ باتۇر لەشكەرلىرىڭلار كوچىلاردا ئۈن سېلىپ يىغلايدۇ. تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈشكە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلىرىڭلار قاتتىق يىغلايدۇ. يوللار تىمتاسلىقتا قالىدۇ، كىشىلەر سەپەر قىلمايدىغان بولىدۇ، كىشىلەر ئارىسىدىكى توختاملار بۇزۇلىدۇ، گۇۋاھچىلار كۆزگە ئىلىنمايدۇ، ئىنسانلار بىر-بىرىنى قەدىرلىمەيدىغان بولىدۇ. زېمىن قۇرۇپ، قاغجىراپ قالىدۇ، لىۋاندىكى ئورمانلىقلار قۇرۇپ، قاقشال بولۇپ قالىدۇ، شارون تۈزلەڭلىكى چۆللۈككە ئايلىنىدۇ، باشان تۈزلەڭلىكىدىكى، كارمەل تېغىدىكى دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى تۆكۈلۈپ كېتىدۇ. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئەمدى ئوتتۇرىغا چىقىمەن، ئەمدى مەن ئورنۇمدىن تۇرىمەن. ئەمدى مەن ئۇلۇغلىنىمەن. ئەي ئاسسۇرلار، سىلەرنىڭ بارلىق پىلانلىرىڭلار خۇددى قۇرۇق پاخالغا، قىلغان ئىشلىرىڭلار ھېچقانداق قىممىتى يوق سامانغا ئوخشايدۇ. سىلەرنىڭ نەپىسىڭلار ئوت بولۇپ ئۆزۈڭلارنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ. خۇددى كېسىپ تاشلانغان تىكەن ئوتقا تاشلانغاندەك، خەلقلىرىڭلار پۈتۈنلەي كۆيۈپ، كۈل بولىدۇ. مەيلى سىلەر يىراقتا ياشاۋاتقان بولۇڭلار، ياكى يېقىندا ياشاۋاتقان بولۇڭلار، ھەممىڭلار مېنىڭ قىلغان بۈيۈك ئىشلىرىمنى ئاڭلاڭلار! مېنىڭ غايەت قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىمنى بىلىڭلار.» سىئون تېغىدىكى گۇناھكارلارنى قورقۇنچ باسىدۇ. ئىمانسىزلارنى تىترەك باسىدۇ. ئۇلار سورىشىدۇ: «بىزنىڭ ئارىمىزدىن كىملەر پەرۋەردىگارنىڭ ئوتلۇق ھۇزۇرىدا تۇرالايدۇ؟ ئارىمىزدىن كىملەر مەڭگۈلۈك ئوت ئىچىدە ياشىيالايدۇ؟» توغرا ئىشلارنى قىلغانلار ۋە ھەققانىي سۆزلەيدىغانلار ياشايدۇ. مەككارلىق بىلەن باي بولۇشتىن باش تارتقانلار ۋە پارا ئېلىشنى رەت قىلغانلار، سۇيىقەستلەرگە قاتناشمىغانلار، رەزىل ئىشلارنى خىيالىغا كەلتۈرمەيدىغانلار، مانا مۇشۇنداق كىشىلەر بىخەتەر جايدا ياشايدۇ، قورام تاشتىن ياسالغان مۇستەھكەم ئۆيلەردە تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ غىزاسى ۋە ئىچىدىغان سۈيى كەم بولمايدۇ. سىلەر ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن بىر شۆھرەتلىك پادىشاھنى كۆرىسىلەر. سىلەر بىپايان كەتكەن زېمىننى كۆرىسىلەر. سىلەر بۇرۇنقى قورقۇنچلۇق چاغلارنى ئەسلەپ، مۇنداق دەيسىلەر: «دۈشمەننىڭ مەسئۇل ئەمەلدارى قېنى؟ ئولجىلارنى تىزىملىغۇچىلار قېنى؟ مۇنارلىرىمىزنى سانىغانلار قېنى؟» سىلەر ئەمدى، تىلىنى بىلمەيدىغان، يات تىلدا سۆزلىشىدىغان تەكەببۇر كىشىلەرنى كۆرمەيسىلەر. سىئون تېغىغا قاراڭلار! ھېيتلىرىمىزنى ئۆتكۈزۈۋاتقان شەھىرىمىزگە قاراڭلار. سىلەر يېرۇسالېمنىڭ خاتىرجەم يەرگە ئايلانغانلىقىنى، ئۇنىڭ يۆتكىگىلى بولمايدىغان چېدىردەك مەزمۇت ئورناپ كەتكەنلىكىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرىسىلەر. ئۇنىڭ قوزۇقلىرىنى سۇغۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئارغامچىلىرىنى ھېچكىم ئۈزەلمەيدۇ. پەرۋەردىگار بىزنىڭ قۇدرەتلىك قوغدىغۇچىمىز بولىدۇ. ئۇ دۈشمەن ئۆتەلمەيدىغان قوغدىغۇچى دەريا بولىدۇ، ئۇنىڭدا دۈشمەننىڭ ھېچبىر كېمىسى ئۈزەلمەيدۇ. پەرۋەردىگار بىزنىڭ سوتچىمىز. پەرۋەردىگار بىزنىڭ ھۆكۈمرانىمىز. پەرۋەردىگار بىزنىڭ پادىشاھىمىز، ئۇ بىزنى قۇتقۇزىدۇ. ھازىر سىلەرنىڭ ئارغامچىلىرىڭلار يېشىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، كېمەڭلارنىڭ يەلكەن خادىسى مۇستەھكەم بولمىسىمۇ، يەلكىنىڭلار ئېچىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ۋاقتى كەلگەندە، سىلەر نۇرغۇن ئولجا ئالىسىلەر، ھەتتا ئاقساق-چۇلاقلارمۇ ئولجا ئالالايدۇ. يېرۇسالېمنىڭ پۇقرالىرىدىن ھېچكىم ئەمدى ئۆزىنى «مەن كېسەل» دېمەيدۇ. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرىدۇ. ئەي خەلقلەر، يېقىنراق كېلىڭلار، قۇلاق سېلىڭلار، ئەي ئادەملەر، دىققەت قىلىڭلار! زېمىن ۋە زېمىندىكى پۈتكۈل خەلق ئاڭلىسۇن. پۈتكۈل جاھان ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق ھاياتلىق ئاڭلىسۇن. پەرۋەردىگار بارلىق خەلقلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرىغا غەزەپلەندى، ئۇ ئۇلارنى قىرغىن قىلىپ، تەلتۆكۈس يوقىتىدۇ. ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى تاشلىنىپ قالىدۇ، ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى سېسىپ كېتىدۇ، تاغلار ئۇلارنىڭ قانلىرى بىلەن بويىلىدۇ. ئاسماندىكى بارلىق يۇلتۇزلار ئېرىپ كېتىدۇ. ئاسمان يۆگىلىپ قالىدۇ. خۇددى ئۈزۈم يوپۇرماقلىرى يەرگە چۈشكەندەك، دەرەختىكى ئەنجۈر يەرگە چۈشكەندەك، يۇلتۇزلار چۈشۈپ كېتىدۇ. پەرۋەردىگار: «مېنىڭ قىلىچىم ئاسماندىكى سوراقنى تۈگىتىپ، ئاندىن، مەن تەلتۆكۈس يوقىتىشنى ئىرادە قىلغان ئىدومغا چۈشىدۇ» دېدى. پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچى خۇددى قوزا، ئۆچكە ۋە قوچقارنى قۇربانلىق قىلغاندەك، قان ۋە گۆشكە مېلىنىدۇ. چۈنكى، پەرۋەردىگار بوزرا شەھىرىدە قۇربانلىق قىلىدۇ، ئىدومدا چوڭ قىرغىنچىلىق قىلىدۇ، ياۋا كالىلار ئۇلار بىلەن بىللە قىرغىن قىلىنىدۇ، موزايلىرىمۇ بۇقىلار بىلەن بىللە ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئۇلارنىڭ زېمىنى قانغا بويىلىدۇ، تۇپرىقى گۆشلەرنىڭ يېغىغا تولۇپ كېتىدۇ. پەرۋەردىگار قىساس ئالىدىغان كۈننى بېكىتتى، بۇ سىئون تېغى ئۈچۈن ئېلىنغان ئىنتىقام. ئىدومنىڭ ئېقىنلىرى قارا مايغا تولىدۇ، ئۇنىڭ تۇپرىقى كۆيۈۋاتقان قوقاسقا، ئۇنىڭ زېمىنى يالقۇنلاۋاتقان قارا مايغا ئايلىنىدۇ. كېچە-كۈندۈز توختىماي كۆيىدۇ. ئۇنىڭدىن تارقىغان ئىسلار ئۈزۈلمەيدۇ. ئىدوم ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە قاقاسلىق بولىدۇ. ئۇ يەرگە ھېچكىم قايتا قەدەم باسمايدۇ. چۆل قۇشلىرى ۋە كىرپىلەر ئۇ يەرلەرگە ماكانلىشىدۇ. قاغا-قۇزغۇنلار ئۇ يەرلەرنى ماكان قىلىدۇ. پەرۋەردىگار تانا تارتىپ ئۆلچەپ، ئۇ يەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. بۇ يەرگە پادىشاھلىق قىلغۇدەك بىرەر ئېسىلزادە ئادەم چىقمايدۇ، ئۇ يەرنىڭ شاھزادىلىرىنىڭ ھەممىسى يوقىلىدۇ. ئوردىلارنى تىكەن بېسىپ كېتىدۇ. قورغانلارنى چاققاق ۋە ئازغان قاپلاپ كېتىدۇ. بۇ خارابىلىكلەر چىلبۆرىلەر ۋە مۆشۈكياپىلاقلارنىڭ ماكانى بولىدۇ. بۇ يەردە چۆل ھايۋانلىرى، ۋەھشىي ياۋايى ئىتلار تېنىشىپ يۈرىدۇ، ياۋا ئۆچكىلەر خارابىلىكتە مەرەپ يۈرۈشىدۇ، تۈن قۇشلىرى بۇ يەردە ئۇۋىلايدۇ. مۈشۈكياپىلاقلار ئۇۋىلاپ، تۇخۇملايدۇ. ئۇ تۇخۇملاپ بالىلىرىنى چىقىرىدۇ. تاپ يېگۈچى قۇشلار جۈپ-جۈپى بىلەن بۇ يەرگە كېلىدۇ. پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرى يېزىلغان يازمىلارغا قاراڭلار! ئاشۇ ھايۋانلارنىڭ بارلىقى بۇ يەردە ياشايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى جۈپ-جۈپى بىلەن كېلىدۇ. ئۇ بۇيرۇق قىلىپ، ئۆزىنىڭ روھى ئارقىلىق ئۇلارنى بۇ يەرگە يىغىدۇ. پەرۋەردىگار زېمىننى ئاشۇلارغا بۆلۈپ بېرىدۇ، ئۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ. ئۇلار بۇ زېمىننى مەڭگۈلۈك ئىگىلەيدۇ، ئۇلار بۇ يەردە ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە ياشايدۇ. چۆل-جەزىرىلەر شادلىققا چۆمىدۇ. قاقاسلىقلار خۇشاللىققا چۆمۈپ، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىدۇ. ھەممە يەر گۈل-چېچەككە ۋە شاد-خۇراملىققا تولىدۇ! چۆل-جەزىرىلەر لىۋان تاغلىرىدەك ياپيېشىللىققا پۈركىنىدۇ. ئۇ يەرلەر كارمەل تاغلىرى ۋە شارون تۈزلەڭلىكىدەك گۈزەللىشىپ كېتىدۇ. پەرۋەردىگارىمىز ئۆز شان-شەرىپى ۋە ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسىتىدۇ. تالغان قوللارغا مەدەت بېرىڭلار، جانسىز تىزلارغا كۈچ بېرىڭلار. قورقۇپ كەتكەن كىشىلەرگە مۇنداق دەڭلار: «جاسارەتلىك بولۇڭلار، قورقماڭلار. قاراڭلار، سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار كېلىدۇ. ئۇ سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلارنى جازالايدۇ. ئۇ، ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالىدۇ، ئۇ كېلىپ، سىلەرنى قۇتقۇزىدۇ.» ئۇ چاغدا ئەمالارنىڭ كۆزلىرى ئېچىلىدۇ، گاسلارنىڭ قۇلاقلىرى ئاڭلايدۇ. ئاقساقلار بۇغىلاردەك تاقلاپ يۈرىدۇ، گاچىلار خۇشاللىقتىن ۋارقىرايدۇ. سۇلار چۆللەرگە ئېقىپ كىرىدۇ. دەريالار قۇملۇقلارغا ئاقىدۇ. قىزىق قۇملۇقلاردا كۆللەر پەيدا بولىدۇ. قاغجىراپ كەتكەن تۇپراقتىن بۇلاقلار ئېتىلىپ چىقىدۇ. بۇرۇن چىلبۆرىلەر ياشىغان يەرلەردە قومۇش ۋە يېكەنلەر ئۆسۈپ چىقىدۇ. زېمىندا بىر يول پەيدا بولۇپ، بۇ يول «مۇقەددەس يول» دەپ ئاتىلىدۇ. ناپاك ئادەملەر بۇ يولدا ماڭالمايدۇ، بۇ يولدا پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىلا ماڭالايدۇ. ئەخمەقلەر ئۇنىڭدا ماڭالمايدۇ. بۇ يولدا شىرلار ۋە قورقۇنچلۇق ھايۋانلار يوق. ئۇلارنى بۇ يەردىن تاپقىلى بولمايدۇ. پەرۋەردىگار قۇتقۇزغان كىشىلەرلا بو يولدا ماڭالايدۇ. پەرۋەردىگار قۇتقۇزغان كىشىلەر يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىدۇ. ئۇلار سىئونغا قايتىپ كېلىپ شادلىق ناخشىلىرىنى ياڭرىتىدۇ. مەڭگۈلۈك خۇشاللىقنى ئۆز بېشىغا تاج قىلىپ تاقايدۇ. ئازاب ۋە قايغۇ تۈگەيدۇ، ئۇنىڭ ئورنىنى خۇشاللىق ۋە شادلىق ئالىدۇ. خىزكىيا پادىشاھ تەختكە ئولتۇرغان 14-يىلى ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىب يەھۇدىيەنىڭ بارلىق مۇستەھكەم شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، بۇ شەھەرلەرنى بويسۇندۇردى. كېيىن ئاسسۇر پادىشاھى ئۆزىنىڭ خاس سەركەردىسىنى لاكىش شەھىرىدىن زور قوشۇنى بىلەن يېرۇسالېمغا پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى. ئۇ يېرۇسالېمغا كېلىپ، بىر ئۆستەڭ بويىدا توختىدى. بۇ ئۆستەڭ يۇقىرىدىكى كۆلچەككە سۇ قۇيۇلىدىغان، يەنى كىر يۇيىدىغان دالاغا بارىدىغان يولدا ئىدى. بۇ ۋاقىتتا خىلقىيانىڭ ئوغلى ئوردا غوجىدارى ئەلياقىم، پۈتۈكچى شەبنا، ئاسافنىڭ ئوغلى خاننىڭ تەزكىرىچىسى يوئاخ ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى. سەركەردە ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ خىزكىياغا ئېيتىڭلار، ئۇلۇغ ئاسسۇر پادىشاھى ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر نېمىگە تايىنىپ ئۆزۈڭلارغا شۇنچە ئىشىنىسىلەر؟ سىلەرچە، قۇرۇق گەپلەر ئۇرۇش تەدبىرلىرى ۋە كۈچ-قۇدرەتنىڭ ئورنىغا دەسسىيەلەمدۇ؟ سىلەر كىمگە ئىشىنىپ ماڭا قارشى چىقتىڭلار؟ سىلەر مىسىرغا تايانماقچىمۇ؟ مىسىر خۇددى قومۇشتىن ياسالغان سۇنۇق ھاسىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭغا تايانساڭلار قولۇڭلارنى تېشىۋېتىدۇ. مىسىر پادىشاھىغا تايانغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاقىۋىتىمۇ شۇنداق بولىدۇ. بەلكىم سىلەر ماڭا: ‹بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ بىزگە ياردەم قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز› دەپ ئېيتارسىلەر. لېكىن پادىشاھ خىزكىيا سىلەرنىڭ خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغان جايىڭلارنى ۋە قۇربانلىق سۇپىلىرىڭلارنى ۋەيران قىلىۋەتمىدىمۇ؟ پادىشاھ خىزكىيا يېرۇسالېم خەلقى ۋە بارلىق يەھۇدىيە خەلقىگە، خۇداغا پەقەت يېرۇسالېمدىكى مۇشۇ قۇربانلىق سۇپىسىدىلا ئىبادەت قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتمىغانمىدى؟» سەركەردە يەنە مۇنداق دېدى: _ كېلىڭلار، بىز خوجايىنىم ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ نامى بىلەن قول باغلىشايلى. بىز سىلەرگە ئىككى مىڭ ئات بېرىمىز. قېنى، سىلەر ئىككى مىڭ چەۋەنداز تېپىپ بېقىڭلارچۇ؟ سىلەر مىسىرنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە چەۋەندازلىرى ياردەمگە كەلگەن تەقدىردىمۇ، خوجايىنىمنىڭ قول ئاستىدىكى ئەڭ كىچىك قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلالامسىلەر؟! مېنىڭ بۇ زېمىننى ۋەيران قىلىشىم پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولغان ئەمەسمۇ؟ پەرۋەردىگار ئۆزى ماڭا: «يەھۇدىيە زېمىنىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەرنى ۋەيران قىل» دەپ بۇيرۇغان. ئەلياقىم، شەبنا ۋە يوئاخلار ئاسسۇر سەركەردىسىگە مۇنداق دېدى: _ تەقسىر، بىزگە ئارامىي تىلىدا سۆزلەڭ، بىز چۈشىنىمىز. ئىبرانىي تىلىدا سۆزلىمەڭ، سېپىل ئۈستىدىكىلەر ئاڭلاپ قالمىسۇن. سەركەردە جاۋاب بېرىپ: _ خوجايىنىم مېنى، بۇ سۆزلەرنى پەقەت سىلەر بىلەن پادىشاھىڭلارغىلا ئېيتىپ بېرىشكە ئەۋەتكىنى يوق. سېپىل ئۈستىدىكىلەرمۇ بۇ گەپلەرنى ئاڭلىسۇن. ئەگەر بىز بۇ شەھەرنى قامال قىلساق، ئۇلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش پوقىنى يەپ، سۈيدۈكىنى ئىچىدۇ، _ دېدى. ئاندىن ئۇ تىك تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئىبرانىي تىلىدا مۇنداق دېدى: _ ئۇلۇغ پادىشاھ بولغان ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار! پادىشاھ مۇنداق دەيدۇكى: «سىلەر خىزكىياغا ئالدانماڭلار، ئۇ سىلەرنى قۇتقۇزالمايدۇ. خىزكىيانىڭ سىلەرنى پەرۋەردىگارغا ئىشىنىشكە دەۋەت قىلىپ: ‹پەرۋەردىگار بىزنى قۇتقۇزىدۇ، ئۇ بۇ شەھەرنى ئاسسۇر پادىشاھىغا تاشلاپ بەرمەيدۇ› دېگەن سۆزلىرىگە ئالدانماڭلار. خىزكىيانىڭ گېپىنى ئاڭلىماڭلار! مەن ئاسسۇر پادىشاھى سىلەرنى مەن بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈشكە، ماڭا بويسۇنۇشقا دەۋەت قىلىمەن. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، سىلەر ئۆز بېغىڭلارنىڭ ئۈزۈملىرىنى ۋە ئەنجۈرلىرىنى يېيەلەيسىلەر، ئۆز قۇدۇقۇڭلارنىڭ سۈيىنى ئىچەلەيسىلەر. مەن زېمىنىڭلارغا بارغاندىن كېيىن سىلەرنى، خۇددى ئۆز زېمىنىڭلارغا ئوخشاش ئاشلىق، شاراب، يېمەكلىك ۋە ئۈزۈمزارلىقلىرى مول بولغان يېڭى زېمىنغا باشلاپ بارىمەن. خىزكىيا سىلەرنى ‹پەرۋەردىگار بىزنى قۇتقۇزىدۇ› دەپ، تۇيۇق يولغا باشلىمىسۇن. قايسىبىر خەلقنىڭ ئىلاھلىرى ئۆز خەلقىنى مەن ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزالغان؟ خامات ۋە ئارپاد شەھەرلىرىنىڭ ئىلاھلىرى قانداق بولدى؟ سىفارۋايىم شەھىرىنىڭ ئىلاھلىرىچۇ؟ سامارىيە شەھىرىنىڭ ئىلاھلىرى ئۆز خەلقىنى مېنىڭ قولۇمدا مەغلۇپ بولۇشتىن قۇتقۇزالىدىمۇ؟ قايسىبىر خەلقنىڭ ئىلاھلىرى ئۆز خەلقىنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالىغان؟ شۇنداق ئىكەن، پەرۋەردىگارىڭلار يېرۇسالېمنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالامدۇ؟» خەلق سۈكۈت قىلىپ، ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرمىدى، چۈنكى پادىشاھ خىزكىيا ئۇلارغا جاۋاب قايتۇرماسلىقنى بۇيرۇغانىدى. خىلقىيانىڭ ئوغلى ئوردا غوجىدارى ئەلياقىم، پۈتۈكچى شەبنا، ئاسافنىڭ ئوغلى خاننىڭ تەزكىرىچىسى يوئاخلار قاتتىق قايغۇرۇپ، كىيىملىرىنى يىرتىشقان ھالدا پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئالدىغا قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا سەركەردىنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزدى. پادىشاھ خىزكىيا ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇمۇ قاتتىق قايغۇرۇپ، كىيىملىرىنى يىرتىپ، كاناپتىن تىكىلگەن ماتەملىك كىيىم كىيىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا باردى. ئۇ يەنە خىلقىيانىڭ ئوغلى ئوردا غوجىدارى ئەلياقىم، پۈتۈكچى شەبنا ۋە روھانىي يېتەكچىلەرنى ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى. ئۇلارمۇ ماتەملىك كىيىم كىيگەنىدى. ئۇلار يەشايا پەيغەمبەرگە مۇنداق دېدى: _ پادىشاھىمىز خىزكىيا مۇنداق دەيدۇ: «بۈگۈن بىز ئۈچۈن قاتتىق ئازاب، تىل-ئاھانەت ۋە خورلۇققا قالغان كۈن بولدى، بىز خۇددى بوۋىقىنى تۇغۇشقا كۈچى يەتمىگەن ئانىدەك بولۇپ قالدۇق. سىلە ئۆزلىرى خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان مەڭگۈ ھايات خۇدانى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن ئاسسۇر پادىشاھى سەركەردىسىنى ئەۋەتىپتۇ. ئۆزلىرى خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان پەرۋەردىگار خۇدا سەركەردىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنى شۇ سۆزلىرى ئۈچۈن جازالىغاي. ئۆزلىرى بۇ يۇرتتا قېپقالغان بىزلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويسىلا.» پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئەلچىلىرى يەشايا پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ، پادىشاھنىڭ بۇ سۆزلىرىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، يەشايا پەيغەمبەر ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: _ پادىشاھقا ئېيتىڭلار، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ: «ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ چاكىرىنىڭ ماڭا ھاقارەت كەلتۈرىدىغان سۆزلىرىدىن قورقۇپ كەتمە. مەن ئۇنى ھازىرلا ئۆسەك گەپلەرگە ئىشىنىدىغان قىلىپ قويىمەن. ئۇ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، ئۆز زېمىنىغا قايتىدۇ. ئۇنىڭ شۇ يەردە قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدىغانلىقىنى ئىرادە قىلغانمەن.» _ دېدى. ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ سەركەردىسى ئۆز پادىشاھىنىڭ لاكىشتىن لىبناھ شەھىرىگە قاراپ يۈرۈش قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، پادىشاھنىڭ يېنىغا قايتتى ۋە پادىشاھنى ئۇرۇشۇۋاتقان يەردە تاپتى. بۇ چاغدا پادىشاھ سانخېرىب ئېفىيوپىيە پادىشاھى تىرھاقانىڭ ئۆزى بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. ئۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، پادىشاھ خىزكىياغا يەنە ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ يەھۇدىيەنىڭ پادىشاھى خىزكىياغا مۇنداق دەپ ئېيتىڭلار: «سەن تايىنىۋاتقان خۇدانىڭ، ئاسسۇر پادىشاھى يېرۇسالېمنى بېسىۋالالمايدۇ، دېگەن سۆزلىرىگە ئالدانما. سەن چوقۇم ئاسسۇر پادىشاھلىرىنىڭ باشقا زېمىنلاردا نېمىلەرنى قىلغانلىرىنى ئاڭلىدىڭ. بىز بۇ زېمىنلارنى ۋەيران قىلىۋەتتۇق. سەن ئۆزۈڭچە، بىز قۇتقۇزۇلۇپ قالىمىز، دەپ ئويلامسەن؟ گوزان، ھاران ۋە رەزەف شەھەرلىرىنىڭ ھەمدە تىلاسساردىكى ئەدەن خەلقىنىڭ ئىلاھلىرى ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قالالىدىمۇ؟ ياق! ھەرگىز ئۇنداق قىلالمىدى! مېنىڭ ئەجدادلىرىم ئۇ يەرلەرنى ۋەيران قىلىۋەتتى. خامات، ئارپاد، سىفارۋايىم، ھېنا ۋە ئىۋۋاھ شەھەرلىرىنىڭ پادىشاھلىرىچۇ، ئۇلار قانداق بولدى؟» پادىشاھ خىزكىيا ئەلچىلەر ئېلىپ كەلگەن خەتنى ئوقۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا باردى. ئۇ بۇ يەردە خەتنى ئېچىپ، پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى: «ئى، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، سەن كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تەختتە ئولتۇرغۇچىسەن، سەن بۇ دۇنيانىڭ پۈتكۈل پادىشاھلىقلىرىنىڭ يېگانە پەرۋەردىگارىسەن، پۈتكۈل ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسىسەن. ئى پەرۋەردىگار، نىدايىمنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىغايسەن، كۆزلىرىڭنى ئېچىپ قارىغايسەن، سانخېرىبنىڭ سەن مەڭگۇ ھايات خۇدانى ھاقارەتلەپ ئەۋەتكەن سۆزلىرىنى ئاڭلىغايسەن. ئى پەرۋەردىگار، ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ نۇرغۇن ئەللەر ۋە زېمىنلارنى ۋەيران قىلغىنى راست. ئۇلار بۇ زېمىنلارنىڭ ئىلاھلىرىنى ئوتقا تاشلىدى، چۈنكى بۇ ئىلاھلار خۇدا ئەمەس ئىدى. ئۇلار، ئادەملەر ئۆز قولى بىلەن ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسىۋالغان نەرسىلەر ئىدى، شۇڭا ئاسسۇرلار ئۇلارنى ۋەيران قىلالىدى. ئى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا، بىزنى ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ قولىدىن ساقلاپ قالغايسەن. يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلار سېنىڭ بىردىنبىر پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىڭنى بىلسۇن!» ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەر پادىشاھ خىزكىياغا مۇنۇ سۆزلەرنى ئەۋەتتى. پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سەن ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىب توغرىسىدا دۇئا قىلغانىدىڭ، مەنكى پەرۋەردىگار، سانخېرىب توغرىسىدا مۇنداق دەيمەن: ئەي سانخېرىب، سىئوندىكى قىزلار سەندىن نەپرەتلىنىدۇ، سېنى زاڭلىق قىلىدۇ. يېرۇسالېمدىكى قىزلار سېنى مەسخىرە قىلىدۇ، كەينىڭدىن باش چايقىشىدۇ. ئەي سانخېرىب، سەن مەسخىرە قىلغان كىم؟ سەن ھاقارەت قىلغان كىم؟ سەن ۋارقىراپ تىللىغان كىم؟ سەن ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ مەنسىتمىگەن كىم؟ ئۇ مەن! يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدادۇرمەن! سەن ئەلچى ئەۋەتىپ مېنى، يەنى پەرۋەردىگارنى مەسخىرە قىلدىڭ. سەن پو ئېتىپ، ‹جەڭ ھارۋىلىرىم بىلەن ئېگىز تاغلارنى، لىۋاننىڭ ئەڭ چېتىدىكى تاغ چوققىلىرىنى بېسىۋالغانمەن، شۇنداقلا، ئەڭ ئېگىز كېدىرلەرنى، ئەڭ ياخشى كىپارىس دەرەخلىرىنى كېسىپ تاشلىغانمەن. ئەڭ يىراق، ئەڭ ئېگىز تاغلار ۋە ئەڭ چوڭ ئورمانلىقلارغا بارغانمەن، قۇدۇقلارنى قېزىپ، سۇلىرىنى ئىچكەنمەن، تاپانلىرىم بىلەن مىسىرنىڭ بارلىق دەريالىرىنى كېچىپ، سۇلىرىنى توختىتىۋەتكەنمەن› دېدىڭ. سەن ئاڭلىمىغانمىدىڭ؟ مەن پەرۋەردىگار بۇ ئىشلارنى بۇرۇنلا قارار قىلىپ بولغانمەن. بۇرۇنلا پىلان قىلىپ بولغانمەن، مانا ھازىر بۇ ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان ۋاقتى كەلدى. سېنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇشۇڭ مېنىڭ پىلانىمدۇر. شۇ سەۋەبتىن بۇ شەھەرلەرنىڭ پۇقرالىرى ئاجىزدۇر، ئۇلار چۈشكۈنلىشىپ، نومۇسقا قالدى، خۇددى دالادا ئۆسكەن ئوت-چۆپلەر، يېڭى ئۆسۈپ چىققان مايسىلار، ئۆگزىدە ئۆسكەن ياۋا ئوتلارنىڭ ئىسسىق شامالدا قۇرۇپ قالغىنىدەكتۇر. سېنىڭ نەدە تۇرىدىغانلىقىڭنى، قاچان كېلىپ، قاچان كېتىدىغانلىقىڭنى، ماڭا قانچىلىك ئاچچىق غەزەپ قىلغانلىقىڭنى بىلىمەن. سېنىڭ بۇ غەزەپلىرىڭ ۋە ھاكاۋۇرلۇقۇڭ مېنىڭ قۇلىقىمغا يەتتى. مەن ئەمدى قارمىقىمنى بۇرنۇڭدىن، ئېغىزدۇرۇقۇمنى ئاغزىڭدىن ئۆتكۈزىمەن، سەن قانداق كەلگەن بولساڭ، سېنى شۇ يول بىلەن قايتۇرۇپ ئەكېتىمەن.» يەشايا پەيغەمبەر پادىشاھ خىزكىياغا يەنە مۇنداق دېدى: _ بۇ ئىشلارنىڭ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، مەن بۇنى ئالدىن ساڭا ئېيتىمەن: سەن بۇ يىل تۇپراقتا ئۆزى ئۆسكەن نەرسىلەرنى يەيسەن، كېلەر يىلى يەنە ئۆزى ئۆسۈپ چىققان نەرسىلەرنى يەيسەن. لېكىن ئۈچىنچى يىلى ئۆزۈڭ تېرىغان زىرائەتتىن ئالغان ھوسۇلنى، ئۆستۈرگەن ئۈزۈملەرنى يەيسەن. يەھۇدىيەدىن ھايات قالغان بۇ ئاز بىر قىسىم ئادەملەر كېيىن، خۇددى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، مېۋىسى كۆپ دەرەخكە ئوخشاش كۆپىيىدۇ. شۇنداق، بۇ ئاز بىر قىسىم ئادەملەر كۆپىيىپ يېرۇسالېمدىن چىقىدۇ، يەنى قۇتۇلۇپ قالغانلار سىئون تېغىدىن چۈشىدۇ. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بۇنى جان دىلى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ! پەرۋەردىگار ئاسسۇر پادىشاھى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ قوشۇنلىرى يېرۇسالېمغا كىرەلمەيدۇ، ھەتتا بىر تال يا ئوقىمۇ ئاتالمايدۇ. ئۇلار قالقانلىرىنى كۆتۈرۈپ، يېرۇسالېم دەرۋازىسى يېنىغىمۇ كېلەلمەيدۇ، ياكى شەھەر سېپىلىگە توپا دۆۋىسى يۆلەپمۇ ھۇجۇم قىلالمايدۇ. مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، ئۇ قايسى يول بىلەن كەلگەن بولسا، شۇ يول بىلەن كېتىدۇ. ئۇ بۇ شەھەرگە كىرەلمەيدۇ. مەن ئۆز شان-شەرىپىم ۋە خىزمەتكارىم داۋۇت پادىشاھقا بەرگەن ۋەدەم ئۈچۈن بۇ شەھەرنى قۇتقۇزۇپ، قوغداپ قالىمەن». ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئاسسۇرلارنىڭ بارگاھىغا بېرىپ، 185 مىڭ لەشكىرىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى. ئاسسۇر لەشكەرلىرى ئەتىسى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ، پۈتۈن يەرنى جەسەتلەر قاپلاپ كەتكىنىنى كۆردى. شۇنىڭ بىلەن ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىب ھايات قالغان قوشۇنلىرىنى ئېلىپ، ئۆز ئېلىگە قايتتى. پادىشاھ سانخېرىب نىنەۋى شەھىرىدىكى ئۆيىگە قايتىپ، شۇ يەردە تۇرۇپ قالدى. بىر كۈنى سانخېرىب ئىبادەتخانىسىدا ئۆز ئىلاھى نىسروكقا ئىبادەت قىلىپ ئولتۇرغىنىدا، ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئادراممەلەك ۋە سارئەزەر ئۇنى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈپ، ئارارات زېمىنىغا قېچىپ كەتتى. سانخېرىبنىڭ يەنە بىر ئوغلى ئېسارخاددون ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. پادىشاھ خىزكىيا ھاكىمىيەت تۇتقان شۇ مەزگىللەردە، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغانىدى. ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەر ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگار ساڭا شۇنداق دەيدۇكى: تەييارلىقلىرىڭنى قىلىپ قوي. ئەمدى سەن ئۆلىسەن، ساقىيالمايسەن، _ دېدى. پادىشاھ خىزكىيا بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، تام تەرەپكە قاراپ، پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى: «ئى پەرۋەردىگار، ساڭا پۈتۈن ساداقىتىم بىلەن، پۈتۈن جان-دىلىم بىلەن خىزمەت قىلغانلىقىمنى بىلىسەن. مەن دائىم سېنىڭ ئالدىڭدا سەن ياخشى دەپ ئويلىغان ئىشلارنى قىلىپ كەلدىم.» ئۇ شۇنداق دەپلا قاتتىق يىغلاپ كەتتى. بۇ چاغدا پەرۋەردىگاردىن يەشايا پەيغەمبەرگە يەنە ۋەھىي كەلدى: «سەن پادىشاھ خىزكىيانىڭ قېشىغا بار، ئۇنىڭغا: ‹پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادىڭ داۋۇت ئېتىقاد قىلغان خۇدا ساڭا: مەن سېنىڭ دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم ۋە كۆز يېشىڭنى كۆردۈم. ساڭا يەنە 15 يىللىق ئۆمۈر قوشۇپ بەردىم. مەن سېنى ۋە بۇ شەھەرنى ئاسسۇر پادىشاھىدىن قۇتقۇزىمەن. بۇ شەھەرنى قوغدايمەن دېدى› دەپ ئېيت.» يەشايا پەيغەمبەر پادىشاھ خىزكىياغا يەنە مۇنداق دېدى: _ مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ساڭا بەرگەن ۋەدىسىنىڭ بېشارىتىدۇر: «قارا، پېتىۋاتقان قۇياش ئاخازنىڭ پەلەمپىيىگە سايىسىنى تاشلاپ تۇرۇپتۇ. مەن بۇ سايىنى ئون قەدەم كەينىگە سۈرۈلۈشكە بۇيرۇيمەن.» شۇنىڭ بىلەن سايە ئون قەدەم كەينىگە سۈرۈلدى. يەھۇدىيەنىڭ پادىشاھى خىزكىيا سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، تۆۋەندىكى قۇرلارنى يازدى: «مەن شۇنداق ئويلىغان: ‹تازا قىران چېغىمغا كەلگەندە، گۆرگە كىرىشىم كېرەكمىدى؟ قالغان ئۆمرۈم ئېلىپ كېتىلىشى كېرەكمىدى؟› مەن يەنە شۇنداق ئويلىغان: ‹بۇ يورۇق دۇنيادا مەن ئەمدى پەرۋەردىگارنى كۆرەلمەيمەن، بۇ ھاياتلىق دۇنياسىدا مەن ئەمدى ئادەملەرنى كۆرەلمەيمەن. خۇددى قويچى چېدىرىنى سۆكۈپ كەتكەندەك، ھاياتىم مەندىن تارتىپ ئېلىندى. خۇددى توقۇمىچىنىڭ توقۇش جاھازىسىدىن رەخت كەسكىنىدەك، ھاياتىم كېسىلىپ كەتتى. سەن مېنىڭ ھاياتىمنى بىر كۈندىلا ئېلىپ كەتتىڭ. مەن كېچىچە ئازابلىنىپ، ئاھ ئۇرۇپ چىقتىم، خۇددى شىر ئۇستىخانلىرىمنى پارچە-پارچە قىلغاندەك. سەن مېنىڭ ھاياتىمنى بىر كۈندىلا ئېلىپ كەتتىڭ. مەن خۇددى قارلىغاچ ياكى تۇرنىدەك نالە قىلدىم، خۇددى كەپتەردەك گۇڭۇلدىدىم. ئاسمانغا تىكىلىپ كۆزلىرىم تالدى، مەن مۈشكۈللۈكتە قالدىم، ئى پەرۋەردىگار مېنى قۇتقۇزغايسەن!› ئەمما مەن نېمە دېيەلەيمەن؟ ئۇ ماڭا نېمە دېگەن بولسا، ئۇ شۇنى قىلدى. مەن ھاياتىمنى ئىتائەتمەنلىك بىلەن ئۆتكۈزىمەن، چۈنكى مېنىڭ قەلبىم كۆپ ئازاب چەككەن. ئى ئىگەم، سېنىڭ تەربىيەلىرىڭ ئىنساننى چىن ھاياتلىققا باشلايدۇ، مېنىمۇ ھاياتلىققا باشلايدۇ. سەن ماڭا ساغلاملىقىمنى قايتۇرۇپ، قايتا ھاياتلىق بەردىڭ. مانا قارا، مېنىڭ تارتقان بۇ قاتتىق ئازابلىرىم مېنىڭ مەنپەئەتلىرىم ئۈچۈندۇر، سەن مۇھەببىتىڭ بىلەن مېنى گۆر ئاغزىدىن قايتۇرۇپ كەلدىڭ، چۈنكى سەن گۇناھلىرىمنى نەزىرىڭدىن ساقىت قىلدىڭ. گۆردىكىلەر ساڭا شۈكۈر ئېيتالمايدۇ، ئۆلگەنلەر ساڭا مەدھىيە ئوقۇيالمايدۇ، لەھەتتىكى مۇردا سېنىڭ ساداقىتىڭدىن ئۈمىد كۈتەلمەيدۇ. لېكىن خۇددى بۈگۈن مەن ساڭا مەدھىيە ئوقۇۋاتقاندەك، ھاياتلار، پەقەت ھاياتلارلا ساڭا شۈكۈر ئېيتالايدۇ. ئاتىلار سېنىڭ ساداقىتىڭنى بالىلىرىغا ئۆگىتىدۇ. پەرۋەردىگار مېنى قۇتقۇزدى، بىز بارلىق ھاياتىمىزنى ئىبادەتخانىدا ئۆتكۈزۈپ، تارلىق سازلىرىمىزنى چېلىپ، ئۇنى مەدھىيەلەيمىز.» ئىلگىرى يەشايا پەيغەمبەر خىزكىيانىڭ خىزمەتكارىغا: «ئەنجۈرنى ئېزىپ، ئۇنى ئىششىقىغا سۈرتسەڭ، خىزكىيا ساقىيىدۇ» دېگەنىدى. شۇ چاغدا خىزكىيامۇ «مېنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا قايتا بارالايدىغانلىقىمدىن قانداق بېشارەت بېرىسەن؟» دەپ سورىغانىدى. ئۇ چاغلاردا، بالئاداننىڭ ئوغلى بابىل پادىشاھى مىروداك-بالئادان، پادىشاھ خىزكىيانىڭ كېسەلدىن ساقايغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا خەت ۋە سوۋغا-سالام بىلەن ئەلچى ئەۋەتتى. پادىشاھ خىزكىيا ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، ئەلچىلەرنى قىزغىن كۈتۈۋالدى ھەمدە ئۇلارغا خەزىنىسىدىكى ئالتۇن، كۈمۈش، خۇش پۇراق بۇيۇملار، قىممەتلىك مايلار ۋە قورال ئامبىرىدىكى بارلىق قورال-ياراغ قاتارلىق ئۆزىنىڭ بارلىق بايلىقىنى كۆرسەتتى. پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئوردىسىدا، شۇنداقلا پادىشاھلىقىدا ئۇلارغا كۆرسەتمىگەن بىرمۇ نەرسە قالمىدى. يەشايا پەيغەمبەر پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئالدىغا كېلىپ: _ ئۇلار نېمە دېدى، قەيەردىن كەپتۇ؟ _ دەپ سورىدى. پادىشاھ خىزكىيا جاۋاب بېرىپ: _ ئۇلار يىراقتىكى بابىلدىن كەلگەنىكەن، _ دېدى. يەشايا پەيغەمبەر يەنە: _ ئۇلار سېنىڭ ئورداڭدا نېمىلەرنى كۆردى؟ _ دەپ سورىدى. پادىشاھ خىزكىيا: _ ئۇلار ئوردامدىكى جىمى نەرسىنى كۆردى، خەزىنەمدە ئۇلارغا كۆرسەتمىگەن ھېچقانداق نەرسە قالمىدى، _ دەپ جاۋاب بەردى. يەشايا پەيغەمبەر پادىشاھ خىزكىياغا مۇنداق دېدى: _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردىن كەلگەن ۋەھىينى ئاڭلا. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇكى: «قۇلاق سال! شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا سېنىڭ ئەجدادلىرىڭ ھازىرغىچە توپلىغان بارلىق بايلىقلىرىڭ بابىلغا توشۇپ كېتىلىدۇ، ھېچ نەرسەڭ قالمايدۇ. ئۆز ئەۋلادلىرىڭدىنمۇ بەزىلىرى سۈرگۈن قىلىنىدۇ. ئۇلار بابىلغا ئېلىپ بېرىلىپ، ئاختا قىلىنىپ، بابىل پادىشاھىنىڭ خىزمىتىگە سېلىنىدۇ.» پادىشاھ خىزكىيا يەشايا پەيغەمبەرگە: _ سەن يەتكۈزگەن پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىيسى ياخشى ئىكەن، _ دېدى. چۈنكى ئۇ كۆڭلىدە، ھېچبولمىغاندا مەن ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە تىنچ ۋە خاتىرجەم ياشايدىكەنمەن، دەپ ئويلىدى. خۇدايىڭلار مۇنداق دەيدۇ: «تەسەللى بەر، خەلقىمگە تەسەللى بەر! يېرۇسالېمغا مۇلايىملىق بىلەن سۆزلىگىن، ئۇلارغا جاكارلىغىن: ‹سىلەرنىڭ ئازابلىق كۈنلىرىڭلار ئاخىرلاشتى، سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىندى. سىلەر ئۆز گۇناھلىرىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە بەرگەن جازاسىنى ئىككى ھەسسە ئارتۇق تارتتىڭلار.›» غايىبتىن بىر ئاۋاز كېلىپ، مۇنداق دەپ جاكارلىدى: «پەرۋەردىگارغا چۆللۈكتە يول ئېچىڭلار! خۇدايىمىز ئۈچۈن قۇملۇقتا بىر تۈپتۈز يول ياساڭلار! ھەربىر جىلغا تولدۇرۇلسۇن. بارلىق تاغ-ئېدىرلار تۈزلەنسۇن. ئويمان-چوڭقۇرلار تىندۇرۇلسۇن، كاتاڭلار ئوڭشالسۇن. پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى ئايان بولىدۇ، ئۇنىڭ شان-شەرىپىنى پۈتۈن جاھان كۆرىدۇ، بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.» غايىبتىن بىر ئاۋاز كېلىپ: «جاكارلا!» دېدى. مەن: «نېمە دەپ جاكارلايمەن؟» دەپ سورىدىم. «پۈتكۈل ئىنسانلار گۇيا ئوت-چۆپكە ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ شان-شۆھرىتى دالادىكى گۈل-چېچەكلەردەك توزۇپ كېتىدۇ. پەرۋەردىگار بىرلا پۈۋلىسە، ئوت-چۆپلەر قۇرۇپ كېتىدۇ، گۈل-چېچەكلەر سولىشىپ خازان بولىدۇ، ئىنسانلار خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش. ئوت-چۆپلەر قۇرۇپ كېتىدۇ، گۈل-چېچەكلەر سولىشىپ خازان بولىدۇ. پەقەت خۇدايىمىزنىڭ سۆزلىرىلا ئەبەدىي قالىدۇ.» ئەي خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى سىئون خەلقى، تاغقا چىققىن! ئەي خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى يېرۇسالېم، ئۈنلۈك ئاۋازدا قورقماي ۋارقىراپ، يەھۇدىيەنىڭ شەھەر-يېزىلىرىغا: «قاراڭلار، بۇ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار!» دېگىن. قاراڭلار، پەرۋەردىگار ئۆز قۇدرىتى بىلەن كېلىدۇ، ئۆزىنىڭ قۇدرەتلىك قولى بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ، قاراڭلار، ئۇ مۇكاپاتى بىلەن كەلمەكتە. پەرۋەردىگار پادىچىغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ قويلىرىنى باقىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ قوزىلىرىنى قولىغا ئالىدۇ، ئۇلارنى كۆتۈرۈپ، باغرىغا بېسىپ ماڭىدۇ، ئۇ ساغلىق ۋە قوزىلارنى مېھرىبانلىق بىلەن يېتەكلەيدۇ. كىم دېڭىز سۈيىنى قولى بىلەن ئوچۇملاپ ئۆلچىيەلەيدۇ؟ كىم ئاسماننى قولى بىلەن غېرىچلاپ ئۆلچىيەلەيدۇ؟ كىم زېمىننىڭ چاڭ-توزانلىرىنى سېۋەتكە قاچىلىيالايدۇ؟ كىم تاغلارنى ۋە دۆڭلەرنى تارازىدا تارتالايدۇ؟ كىم پەرۋەردىگارنىڭ ئويلىرىنى چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ؟ كىم پەرۋەردىگارغا مەسلىھەت كۆرسىتەلەيدۇ؟ پەرۋەردىگار كىمدىن يوليورۇق سورايدۇ؟ كىم ئۇنىڭغا ئادالەت يولىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ؟ كىم ئۇنىڭغا ئىلىم ئۆگىتەلەيدۇ؟ كىم ئۇنىڭغا پاراسەت يولىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ؟ قاراڭلار، ھەرقايسى ئەللەر چېلەكتىكى بىر تامچە سۇغا ئوخشايدۇ. ئۇلار تارازىدىكى چاڭ-توزانغا ئوخشايدۇ. پەرۋەردىگار ئاراللارنى خۇددى چاڭ-توزاننى كۆتۈرگەندەك كۆتۈرەلەيدۇ. لىۋاننىڭ ئورمانلىقىدىكى بارلىق دەرەخلەرمۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىققا ئوتۇن قىلىشقا يەتمەيدۇ. لىۋاننىڭ ئورمانلىقىدىكى بارلىق ھايۋانلارمۇ ئۇنىڭغا قۇربانلىق قىلىشقا يەتمەيدۇ. يەر يۈزىدىكى ئەللەر ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ، ئۇلار ئۇنىڭ نەزىرىدە قۇپقۇرۇق بىر بوشلۇقتىن ئىبارەت. سىلەر كىمنى خۇدا بىلەن سېلىشتۇرالايسىلەر؟ سىلەر قايسىبىر شەيئىنىڭ قىياپىتىنى ئۇنىڭغا ئوخشىتالايسىلەر؟ بۇتنى ئۇنىڭغا ئوخشىتالامسىلەر؟ بۇتنى قۇيمىچى قۇيۇپ چىققان، زەرگەر ئۇنىڭغا ئالتۇندىن ھەل بېرىپ، كۈمۈش زەنجىرلەر بىلەن بېزىگەن. بۇنداق بۇتنى سېتىۋالالمىغان كىشى چىداملىق ياغاچنى تاللاپ، ئويمىكار ئۇستامنى ئىزدەپ، تىك تۇرالايدىغان بۇتنى ياسايدۇ. ئەجەبا سىلەر بىلمەمسىلەر؟ ئەجەبا سىلەر ئاڭلاپ باقمىغانمۇ؟ سىلەرگە باشتىلا دەپ بېرىلمىگەنمۇ؟ ئەجەبا سىلەر زېمىن ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە چۈشەنمىدىڭلارمۇ؟ پەرۋەردىگار ئاسمان گۇمبىزىنىڭ ئۈستىدە ئۆز تەختىدە ئولتۇرىدۇ، زېمىندىكى ئادەملەر خۇددى چېكەتكىلەرگە ئوخشايدۇ. ئۇ ئاسماننى خۇددى پەردىدەك يېيىپ، ئۇنى ماكان قىلىش ئۈچۈن چېدىرغا ئوخشاش قۇرغان. ئۇ ھۆكۈمدارلارنى ئاجىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ، ھۆكۈمرانلارنى كېرەكسىز قىلىپ قويىدۇ. ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى خۇددى ئەمدىلا تىكىلگەندەك، خۇددى ئەمدىلا تېرىلغاندەك، ئەمدىلا ئۈنۈپ چىققان مايسىدەك، پەرۋەردىگار بىرلا پۈۋلىسە قۇرۇپ كېتىدۇ. بوران ئۇلارنى خۇددى پاخالدەك ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ. مۇقەددەس خۇدا: «سىلەر كىمنى مەن بىلەن سېلىشتۇرالايسىلەر، كىم مەن بىلەن تەڭ بولالايدۇ؟» دەپ سورايدۇ. سىلەر ئاسمانغا قاراڭلار، بۇ مەۋجۇداتلارنى كىم ياراتقاندۇ؟ كىم بارلىق يۇلتۇزلارنى ئىسمى بىلەن چاقىرىپ، ئۇلارنى بىر-بىرلەپ يېتەكلەپ چىققاندۇ؟ پەرۋەردىگار غايەت كۈچلۈك، چەكسىز قۇدرەتلىك بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بىرسىمۇ كەم قالمايدۇ. ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى! سىلەر نېمە ئۈچۈن «پەرۋەردىگار بىزنىڭ مۇشەققەتلىرىمىزنى كۆرمەيۋاتىدۇ» دەپ ئويلايسىلەر؟ ئەي ئىسرائىللار! سىلەر نېمە ئۈچۈن «پەرۋەردىگار بىزگە ئادىل بولمىدى» دەيسىلەر؟ ئەجەبا سىلەر بىلمەمسىلەر؟ ئەجەبا سىلەر ئاڭلاپ باقمىغانمۇ؟ پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك خۇدادۇر، ئۇ پۈتۈن جاھاننى ياراتقان، ھېچقاچان چارچاپ، ھېرىپ قالمايدۇ، ئۇنىڭ پاراسىتىنى ھېچكىم ئويلاپ يېتەلمەيدۇ. ئۇ چارچىغان كىشىلەرگە مادار بېرىدۇ، ئاجىزلارغا كۈچ بېرىدۇ. ياشلارمۇ چارچايدۇ، ھېرىپ قالىدۇ، ھەتتا يىگىتلەرمۇ مادارىدىن كېتىپ يىقىلىدۇ. ئەمما پەرۋەردىگارغا تەلپۈنۈپ، ئۈمىد كۈتكەن كىشىلەرنىڭلا ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ئۇلار بۈركۈتكە ئوخشاش قانات قاقىدۇ. توختىماي يۈگۈرسىمۇ ھارغىنلىق ھېس قىلمايدۇ، قانچىلىك يول ماڭسىمۇ چارچىمايدۇ. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي دېڭىز بويىدا ياشاۋاتقان خەلقلەر، شۈك تۇرۇپ، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار! جەسۇرراق بولۇپ، ئالدىمغا كېلىڭلار، ماڭا گەپ قىلىڭلار، بىز مۇنازىرىلىشىپ باقايلى. كىم كۈنچىقىشتىن بىر ھۆكۈمراننى قوزغىتىدۇ؟ كىم ئۇنى ئۆزىنىڭ خىزمىتىگە چاقىرىدۇ؟ كىم ئەللەرنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ؟ كىم پادىشاھلارنى ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇپ بېرىدۇ؟ ئۇنىڭ قىلىچى ئۇلارنى توپىغا ئايلاندۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئوقياسى ئۇلارنى شامال ئۇچۇرۇپ كەتكەن ساماندەك تارقىتىۋېتىدۇ. ئۇ ئەزەلدىن بېرىپ باقمىغان جايلارغا بارسىمۇ، دۈشمەنلىرىنى سۈر-توقاي قىلىپ، ئۆزى ئامان-ئېسەن مېڭىۋېرىدۇ. كىم بۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ؟ كىم ئەزەلدىن تارتىپ تارىخنىڭ يۆنۈلۈشىنى بەلگىلىگەن؟ بۇ ئىشلارنى قىلغان مەن پەرۋەردىگار! تۇنجىسى ۋە ئاخىرقىسى مەن بولىمەن، ئەبەدىي-ئەبەد مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغىنىمۇ مەن! دېڭىز بويىدىكى ئەللەر مەن قىلغان ئىشلارنى كۆرسىلا قورقىدۇ، پۈتۈن جاھاندىكى خەلقلەر تىترىشىدۇ، ئۇلار بىر يەرگە توپلىشىدۇ. ئۇلار بىر-بىرىگە مەدەت بېرىپ، ‹جاسارەتلىك بول!› دېيىشىدۇ. ئۇستىكارلار زەرگەرلەرنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، تۆمۈرچىلەر بازغانچىلارنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، ‹ياخشى سوقتۇڭ!› دەپ ماختىشىدۇ. ئۇلار بۇتنى يىقىلىپ كەتمىسۇن دەپ، ئاۋايلاپ مىخلايدۇ. ئەي ئىسرائىل خەلقى، سىلەر مېنىڭ خىزمەتكارىم، سىلەر مەن تاللىغان ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، سىلەر مېنىڭ دوستۇم ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى. مەن سىلەرنى جاھاننىڭ ئەڭ يىراق بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىن يىغىپ كەلدىم، سىلەرنى زېمىننىڭ يىراق، چەت يەرلىرىدىن چاقىرتتىم. مەن سىلەرگە: ‹سىلەر مېنىڭ خىزمەتكارىم، سىلەرنى تاللىدىم، سىلەرنى تاشلىۋەتمەيمەن. قورقماڭلار، چۈنكى مەن سىلەر بىلەن بىللە. ئەنسىرىمەڭلار، چۈنكى مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار. مەن سىلەرنى كۈچلەندۈرىمەن ۋە سىلەرگە ياردەم بېرىمەن. مەن ھەققانىي، قۇدرەتلىك قولۇم بىلەن سىلەرنى يۆلەيمەن› دېدىم. سىلەرگە غەزەپلەنگەنلەر چوقۇم شەرمەندە بولۇپ، نومۇس قىلىدۇ. سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ ھەممىسى ۋەيران بولۇپ، يوقىلىدۇ. سىلەرنى بويسۇندۇرماقچى بولغانلارنى ئىزدىسەڭلار، ئەمدى تاپالمايسىلەر. سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغانلار ئەمدى يوق. چۈنكى مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن، سىلەرنىڭ ئوڭ قولۇڭلارنى تۇتۇپ تۇرىمەن. ‹قورقماڭلار، مەن سىلەرگە ياردەم قىلىمەن!› دېگۈچى مەن ئۆزۈمدۇرمەن. ئەي ئىسرائىللار! سىلەر: ‹بىز كىچىك قۇرتتەك تۇرساق› دەپ ئويلىغان بولساڭلارمۇ، قورقماڭلار! سىلەرگە ئۆزۈم ياردەم قىلىمەن. مەن قوغدىغۇچىڭلار، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدادۇرمەن. قاراڭلار، مەن سىلەرنى خامان يانجىيدىغان چىشلىق سايمانغا ئايلاندۇرىمەن، سىلەر تاغلارنى يانجىپ ئېزىۋېتىسىلەر، چوققىلارنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتىسىلەر، ئېدىرلىقلارنى يانجىپ، ساماندەك قىلىۋېتىسىلەر. سىلەر ئۇلارنى سورۇۋېتىسىلەر، شامال ئۇلارنى ئېلىپ كېتىدۇ، بوران ئۇلارنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىلەر مەن پەرۋەردىگاردىن خۇرسەن بولىسىلەر. سىلەر مېنى ‹ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا› دەپ پەخىرلىنىسىلەر. ھاجەتمەن نامراتلار سۇ ئىزدەپ تاپالمىغاندا، ئاغزى قۇرۇپ كېتىدۇ. مەن پەرۋەردىگار چوقۇم ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سالىمەن. مەن ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ئۇلارنى تاشلىۋەتمەيمەن. مەن دەريالارنى تاقىر ئېگىزلىكلەرگە ئاققۇزىمەن، جىلغىلاردىن بۇلاقلارنى چىقىرىمەن، چۆللۈكلەردە كۆللەرنى پەيدا قىلىمەن، قاقاسلىقنى بۇلاقلىققا ئايلاندۇرىمەن. مەن چۆللۈكلەرگە كېدىر دەرىخى، ئاكاتسىيە دەرىخى، مىرتا دەرىخى ۋە زەيتۇن دەرىخى تىكىمەن. مەن قۇملۇقلارغا قارىغاي دەرىخى، شەمشاد دەرىخى ۋە كىپارىسلارنى تىكىمەن. كىشىلەر بۇنى كۆرۈپلا كىمنىڭ قىلغانلىقىنى بىلىدۇ، بۇ ئىشلارنى چوڭقۇر ئويلاپ چۈشىنىدۇ. بۇلارنى مەن پەرۋەردىگار ئۆز قولۇم بىلەن قىلغان، بۇلارنى ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا مەن ياراتقان.» پەرۋەردىگار _ ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ پادىشاھى مۇنداق دەيدۇ: «نېمە ئاساسىڭلار بار؟ ئىسپاتلاپ كۆرسىتىپ بېرىڭلار! بۇتلىرىڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار! ئۇلار بىزگە كەلگۈسىدە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرسۇن. ئۇلار ئۆتمۈشتە، نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى سىلەرگە ئالدىن ئېيتقانمۇ؟ بۇتلارنىڭ بېشارەتلىرىنىڭ ھەقىقەتەن يۈز بەرگەن ياكى بەرمىگەنلىكىنى بىلىۋالايلى! ھەمدە ئۇلاردىن كەلگۈسىدە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئۇقۇۋالايلى. ئەي بۇتلار، كەلگۈسىدە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىڭلار، شۇندىلا بىز سىلەرنى ھەقىقىي ئىلاھ دەپ بىلىمىز. سىلەر، مەيلى ياخشى بولسۇن ياكى يامان بولسۇن، بىزنى ھەيران قالدۇرىدىغان، ياكى قورقىتىدىغان بىرەر ئىشنى قىلىپ بېقىڭلار. بىراق سىلەر كېرەكسىز نەرسىلەر، سىلەر ھېچ ئىش قىلالمايسىلەر، سىلەرگە چوقۇنغانلار يىرگىنچلىكتۇر! مەن بىر ھۆكۈمراننى شىمالدىن قوزغىتىمەن، ئۇ كۈنچىقىش تەرەپتىن كېلىدۇ. ئۇ نامىمغا دۇئا قىلىدۇ. ئۇ تامچى ياكى كۇلالچى لاينى پېتىقلىغاندەك، ھۆكۈمرانلارنى دەسسەپ يانجىيدۇ. بۇرۇن بۇتلىرىڭلار بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىزگە بىلدۈرگەنمۇ؟ بىرەر بۇت بىزگە: ‹ئۇنىڭ بېشارىتى توغرا ئىكەن› دېگۈدەك بىرەر بېشارەت بەرگەنمۇ؟ ياق! ھېچبىر بۇت بۇنداق بېشارەت بېرىپ باقمىغان، بۇتلار بۇنداق قىلالمىغان، ھېچكىم بۇتلاردىن بۇنداق بېشارەتنى ئاڭلاپ باقمىغان! مەن ئالدى بىلەن بىرىنچى بولۇپ سىئونغا: ‹قاراڭلار، ئۇلار كېلىدۇ! مەن يېرۇسالېمغا خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى ئەلچىنى ئەۋەتىمەن› دېدىم. لېكىن مەن كۆردۈمكى، سىلەرنىڭ بۇتلىرىڭلار ھېچقانداق نەسىھەتلىك سۆزلەرنى قىلالمىدى، مەن ئۇلاردىن سوئال سورىسام، ھېچقايسىسى ماڭا جاۋاب بېرەلمىدى. قاراڭلار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى يالغان ئەمەسمۇ؟ ئۇلار ھېچبىر ئىشنى قىلالمايدۇ، ئۇلار خۇددى شامالغا ئوخشاش يوقلۇقتۇر.» «قاراڭلار، مەن قوللىغان، مەن تاللىغان، مەن ياقتۇرغان خىزمەتكارىمغا! مەن ئۆزۈمنىڭ روھىنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلدىم. ئۇ بارلىق خەلقلەرگە ئادالەتنى يەتكۈزىدۇ. ئۇ داۋراڭ سالمايدۇ، ياكى كوچىلاردا يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەپ يۈرمەيدۇ. ئۇ زەخىملەنگەن قومۇشنى سۇندۇرۇۋەتمەيدۇ، پىلىلداپ ئاجىز يېنىپ تۇرغان چىراغنى ئۆچۈرۈۋەتمەيدۇ. ئۇ چوقۇم ئادالەتنى يولغا قويىدۇ. ئۇ يەر يۈزىدە ئادالەتنى ئورناتقۇچە، ئۈمىدسىزلەنمەيدۇ، چۈشكۈنلەشمەيدۇ. ھەتتا دېڭىز بويىدىكى خەلقلەرمۇ ئۇنىڭ تەلىم بېرىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىدۇ.» ئاسماننى ياراتقان ۋە ئۇنى يايغان، زېمىن ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق مەۋجۇدىيەتلەرنى ئاپىرىدە قىلغان، ئىنسانلارغا نەپەس ئاتا قىلىپ، ھاياتلىق بەرگەن پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ئۆزى تاللىغان خىزمەتكارىغا مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىم ئايان بولسۇن دەپ، سېنى تاللىدىم. مەن قولۇڭنى تۇتۇپ، سېنى قوغدايمەن. مەن سېنى ئىسرائىللارغا ئەھدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىمەن. مەن سېنى بارلىق ئەللەرنى يورۇتىدىغان نۇر قىلىمەن. سەن ئەمالارنىڭ كۆزىنى ئاچىسەن، سەن زىندانلاردىن كىشىلەرنى ئازاد قىلىسەن، قاراڭغۇلۇققا سولانغان كىشىلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىسەن. مەن ‹ياھۋەھ›دۇرمەن، بۇ مېنىڭ نامىمدۇر. ماڭا تېگىشلىك بولغان ئۇلۇغلۇقنى باشقا ھېچقانداق بىرى بىلەن ئورتاقلاشمايمەن. مەن بۇتلارنىڭ ماڭا ئوخشاش مەدھىيەلىنىشىگە يول قويمايمەن. قاراڭلار! مېنىڭ بۇرۇنقى بېشارەتلىرىمنىڭ ھەممىسى يۈز بەردى، ئەمدى مەن سىلەرگە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىمەن، شۇ ئىشلار يۈز بېرىشتىن بۇرۇن بېشارەت بېرىمەن.» پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ، يېڭى ناخشا ئېيتىڭلار! دېڭىزچىلار ۋە دېڭىزدا ياشايدىغان جانىۋارلار، دېڭىز بويىدا ياشاۋاتقان خەلقلەر ناخشا ئېيتىڭلار! ھەممە يەردە مەدھىيەلەر ياڭرىسۇن! چۆلدىكى شەھەرلەردە ياشايدىغان خەلقلەر جاراڭلىق ئاۋازدا شۈكۈر-ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار. قېدارنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىدىكى خەلقلەر شادلىنىڭلار. سەلا خەلقى خۇشاللىق بىلەن ناخشا ئوقۇڭلار. مەدھىيەلەر تاغ چوققىلىرىدىن ياڭرىسۇن. ئۇلار پەرۋەردىگارنى ئۇلۇغلىسۇن. دېڭىز بويىدا ياشاۋاتقان خەلقلەر مەدھىيەلەرنى ئوقۇسۇن. پەرۋەردىگار خۇددى باتۇر جەڭچىدەك، ھاياجان بىلەن جەڭ شوئارى توۋلاپ، دۈشمەنلىرىنى مەغلۇپ قىلىدۇ. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇزۇن مەزگىل سۈكۈت قىلدىم، جىم تۇردۇم، ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم. مەن ئەمدى ئاياللار تولغاق ئازابىدىن ۋارقىرىغىنىغا ئوخشاش، قاتتىق ۋارقىراپ، پەرياد قىلىمەن. مەن چوققىلارنى ۋە تاغلارنى تۈپتۈز قىلىۋېتىمەن، تاغ ئۈستىدىكى گۈل-گىياھلارنى قۇرۇتۇۋېتىمەن. دەريالارنى ئاراللارغا ئايلاندۇرۇپ قويىمەن، كۆللەرنى قۇرۇتۇۋېتىمەن. مەن ئەمالارنى ئۆزى مېڭىپ باقمىغان، ئۇلار بىلمەيدىغان ناتونۇش يوللارغا باشلايمەن. ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى قاراڭغۇلۇقنى نۇرلاندۇرىمەن ھەمدە ئويمان-چوڭقۇرلارنى تۈزلەيمەن. مانا بۇ مەن قىلىدىغان ئىشلار! مەن ئۇلارنى تاشلاپ قويمايمەن. ئەمما ئويما بۇتلارغا ئىشەنگەنلەر، شۇ بۇتلارنى ‹ئىلاھىم› دەپ بىلگەنلەر، چوقۇم تاشلىنىپ قالىدۇ، قاتتىق نومۇستا قالىدۇ.» پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي گاسلار، ئاڭلاڭلار! ئەي ئەمالار، كۆرۈڭلار! كىممۇ مېنىڭ خىزمەتكارىمدەك ئەما؟ كىممۇ مەن ئەۋەتكەن ئەلچىدەك گاس؟ كىممۇ مەن تاللىغان خەلقىمدەك قارىغۇ؟ ھېچكىممۇ مېنىڭ خىزمەتكارىمدەك قارىغۇ ئەمەس. سىلەر نۇرغۇن ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ئۇنى بىلمىدىڭلار. قۇلاقلىرىڭلار ئوچۇق تۇرۇپ، ھېچنېمىنى ئاڭلىمىدىڭلار.» پەرۋەردىگار ھەققانىي بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئۆزىنىڭ شەرەپلىك تەلىملىرىنى ئۇلۇغلىغانىدى. ئەمما بۇ بويسۇنماس خەلق تالان-تاراج قىلىنىدۇ، تۇزاقلارغا چۈشىدۇ، زىندانلارغا قامىلىدۇ. ئۇلارنى ھېچكىم قوغدىمىغانلىقتىن ئۇلار ئولجا بولۇپ قالىدۇ، بۇ ئولجىلارنى «قويۇپ بەر!» دەيدىغان ھېچكىم چىقمايدۇ. ئاراڭلاردا كىم بۇ ئىشلارنى زېھىن قويۇپ ئاڭلايدۇ؟ كىم بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق ئىبرەتلىك ئىشلارنى دىققەت بىلەن ئاڭلايدۇ؟ كىم ئىسرائىللار _ ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ تالان-تاراج قىلىنىشىغا يول قويىدۇ؟ پەرۋەردىگار يول قويىدۇ! بىز پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولدۇق ئەمەسمۇ؟! بىز ئۇنىڭ يولىنى تۇتمىدۇق! ئۇنىڭ تەلىملىرىگە بويسۇنمىدۇق. شۇڭا ئۇ بىزگە قاتتىق غەزەپ ياغدۇرىدۇ، لەشكەرلىرىمىزنى جەڭدە مەغلۇپ قىلىدۇ. بىز ئوت ئىچىدە قالغاندىمۇ، ھېچنېمىنى چۈشەنمىدۇق. بىز كۆيۈۋاتقاندىمۇ، بۇنىڭ گۇناھنىڭ ئاقىۋىتى ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ قويمىدۇق. ئەي ئىسرائىل خەلقى، سىلەرنى ياراتقان پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار، ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، سىلەرنى ئاپىرىدە قىلغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «قورقماڭلار، مەن سىلەرنى قوغدايمەن. مەن سىلەرنى ئۆز خەلقىم بولۇشقا چاقىرغان، سىلەر ماڭا تەئەللۇق. سىلەر چوڭقۇر سۇلارنى كېچىپ ئۆتكىنىڭلاردا، مەن سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن. سىلەر دەريالارنى كەزگىنىڭلاردا، شىددەتلىك ئېقىم سىلەرنى ئېقىتىپ كېتەلمەيدۇ. ئوت ئىچىدە يۈرگىنىڭلاردا، سىلەر كۆيۈپ كەتمەيسىلەر. سىلەرگە ئوت تۇتاشمايدۇ. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا سىلەرنىڭ قۇتقۇزغۇچىڭلاردۇر. مەن سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا مىسىرنى تۇتۇپ بېرىمەن. مەن يەنە سىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئېفىيوپىيە بىلەن سىبانى تۇتۇپ بېرىمەن. مەن سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا باشقا خەلقلەرنى تۇتۇپ بېرىمەن. چۈنكى سىلەر مەن ئۈچۈن قىممەتلىك ھەم ئەزىز، مەن سىلەرنى سۆيىمەن. شۇڭا ھاياتىڭلارنى ئۇلار بىلەن تېگىشىپ، سىلەرنى ساقلاپ قالىمەن. قورقماڭلار، مەن سىلەر بىلەن بىللە. مەن سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلارنى شەرق ۋە غەربتىن قايتۇرۇپ كېلىمەن. شىمالدىكى ھۆكۈمرانلارغا بۇيرۇق قىلىپ: ‹ئۇلارنى چىقىرىپ بەر!› دەيمەن. جەنۇبتىكى ھۆكۈمرانلارغا بۇيرۇق قىلىپ: ‹ئۇلارنى تۇتۇپ قالماڭلار!› دەيمەن. يىراق زېمىنلاردىن خەلقىم قايتىپ كەلسۇن. خەلقىم يەر يۈزىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىن تارتىپ، قايتىپ كەلسۇن. مەن ئۆز خەلقىم بولۇشقا چاقىرغان خەلقنىڭ ھەممىسى قايتىپ كەلسۇن، چۈنكى مەن ئۇلارنى ئۆز شان-شەرىپىم ئۈچۈن ياراتقان. مەن ئۇلارنى ئاپىرىدە قىلغان.» كۆزى ئوچۇق تۇرۇپ كۆرمىگەنلەرنى چاقىرىڭلار، قۇلىقى تۇرۇپ ئاڭلىمىغانلارنى چاقىرىڭلار. ھەرقايسى ئەللەردىكىلەرنى يىغىڭلار، بارلىق خەلق يىغىلسۇن. ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىدىن قايسىسى مۇشۇ ئىشلاردىن بېشارەت بېرەلىگەن؟ كىم ئۆتمۈشتە بولغان ئىشلاردىن خەۋەر بېرەلىگەن؟ ئۇلار گۇۋاھچى ئەكېلىپ ئىسپاتلىسۇن، گۇۋاھچىلار بۇنىڭ راستلىقىغا گۇۋاھ بولسۇن. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئىسرائىللار، سىلەر مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىم. سىلەرنى ئۆزۈمنىڭ خىزمەتكارىم قىلىپ تاللىغان. مەن سىلەرنى ماڭا ئىشەنسۇن، مېنى تونۇسۇن مېنىڭ سىلەرنىڭ بىردىنبىر پەرۋەردىگارىڭلار ئىكەنلىكىمنى بىلسۇن دەپ تاللىغان. مەندىن بۇرۇن باشقا خۇدا بولۇپ باقمىغان، كەلگۈسىدىمۇ ھەم بولمايدۇ. مەن يېگانە بىردىنبىر پەرۋەردىگارمەن، سىلەرنى مەندىن باشقا ھېچكىم قۇتقۇزالمايدۇ. مەن بۇرۇن ئېيتقاندەك، ئەجدادلىرىڭلارنى مەن قۇتقۇزغان ۋە ئۇلارنى قۇتقۇزىدىغانلىقىمنى جاكارلىغان. سىلەرنىڭ يات ئىلاھلىرىڭلار بۇنى قىلالمايدۇ. مېنىڭ خۇدا ئىكەنلىكىمگە سىلەر گۇۋاھچى. مەن مەڭگۈلۈك خۇدا. ھېچكىم مېنىڭ قولۇمدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ھېچكىم مېنىڭ قىلغان ئىشىمنى بىكار قىلالمايدۇ.» سىلەرنىڭ قوغدىغۇچىڭلار بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ئۈچۈن مەن بابىلغا قارشى قوشۇن ئەۋەتىمەن، ئۇلار ئۆزلىرى ماختىغان كېمىلەرگە ئولتۇرۇپ قېچىشقا مەجبۇر بولىدۇ. مەن سىلەرنى تاللىغان مۇقەددەس پەرۋەردىگارىڭلار، ئىسرائىللارنىڭ ياراتقۇچىسى، سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلاردۇرمەن.» دېڭىزدىن سىلەرگە يول ئېچىپ بەرگەن، شىددەتلىك ئېقىندىن سىلەرنى ئۆتكۈزۈپ قويغان، مىسىرنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى، ئاتلىرى، قوشۇنلىرى، چەۋەندازلىرى سىلەرگە يوپۇرۇلۇپ كەلگەندە، ئۇلارنى بىراقلا يىقىتىپ، قوپالماس قىلىۋەتكەن، ئۇلارنى ئۆچكەن چىراغقا ئوخشاش يوقىتىۋەتكەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۆتمۈشتىكى ئىشلارنى ئۇنتۇڭلار، ئەسلىمىلەرگە باغلىنىپ قالماڭلار. قاراڭلار، مەن يېڭى بىر ئىش قىلماقچى. بۇ ئىش ئەمدىلا يۈز بېرىشكە باشلاندى، ئەجەبا سىلەر ھېس قىلمىدىڭلارمۇ؟ مەن چۆللۈكتە يول ياسايمەن، قۇملۇقتا دەريا ھاسىل قىلىمەن. چۆللۈكلەردىكى ياۋايى ھايۋانلار ماڭا شۈكۈر ئېيتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە چىلبۆرە ۋە تۆگە قۇشلارمۇ بار. چۈنكى مەن چۆللۈكتە بۇلاقلارنى پەيدا قىلىمەن، قۇملۇقتا دەريا ھاسىل قىلىمەن. بۇلاردىن مەن تاللىغان خەلقىم سۇ ئىچىدۇ. مەن بۇ ئىشلارنى ئۆزۈم ئۈچۈن ئاپىرىدە قىلغان خەلقىم ئۈچۈن قىلىمەن، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ماڭا مەدھىيە ئوقۇيدۇ. ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، سىلەر ماڭا ئىلتىجا قىلمىدىڭلار. ئەي ئىسرائىللار، سىلەر مەندىن بىزار بولدۇڭلار. سىلەر ماڭا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىشقا قويلارنى ئەكەلمىدىڭلار، ھەم باشقا قۇربانلىقلارنى قىلىپ، مېنىڭ ھۆرمىتىمنى قىلمىدىڭلار. مەن ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى قىلىڭلار دەپ، سىلەرگە ئېغىر يۈك سالمىدىمغۇ؟ ماڭا ئىسرىق سېلىشنى تەلەپ قىلىپ، سىلەرنى چارچىتىۋەتمىدىمغۇ؟ سىلەر پۇل خەجلەپ ماڭا پۇراقلىق كۈجە تەقدىم قىلمىدىڭلار، قۇربانلىق گۆشلىرىنىڭ ياغلىرى بىلەن مېنى قانائەتلەندۈرمىدىڭلار، ئەكسىچە سىلەر ئۆز گۇناھلىرىڭلار بىلەن ماڭا يۈك بولدۇڭلار، رەزىللىكىڭلار مېنى چارچىتىۋەتتى. مەن سىلەرنىڭ ئىتائەتسىزلىكىڭلارنى ئەپۇ قىلغۇچىمەن، گۇناھىڭلارنى ئېسىمدە تۇتمايمەن. سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ نېمىدىن ئاغرىنغانلىقىڭلارنى ماڭا ئېيتىڭلار! مەن بىلەن مۇنازىرە قىلىڭلار! ئۆزۈڭلارنىڭ گۇناھسىزلىقىڭلارنى ئىسپاتلاپ بېقىڭلارچۇ قېنى؟ ئەي ئىسرائىللار، سىلەرنىڭ دەسلەپكى ئەجدادىڭلار گۇناھكار بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن، سىلەرنىڭ يېتەكچىلىرىڭلارمۇ ئاسىيلىق قىلىپ كەلدى. شۇ سەۋەبتىن، سىلەرنىڭ روھانىيلىرىڭلارنى شەرمەندە قىلىمەن، باشقا ئەللەرنىڭ ئىسرائىللارنى ۋەيران قىلىشىغا يول قويىمەن، سىلەرنى خورلۇقتا قويىمەن.» «ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، سىلەر مېنىڭ خىزمەتكارىم، مەن تاللىغان ئىسرائىل خەلقى، قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭلار. سىلەرنى ياراتقان، ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدا تۆرەلدۈرگەن، سىلەرگە ياردەم بېرىدىغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان خىزمەتكارىم، مەن تاللىغان ئىسرائىل خەلقى، قورقماڭلار! مەن سىلەرنىڭ قاغجىرىغان يەرلىرىڭلارنى سۇغىرىمەن، قۇرۇپ كەتكەن زېمىنلىرىڭلاردا ئېقىنلارنى ئاققۇزىمەن. مەن ئۆز روھىمنى ئەۋلادلىرىڭلارغا ياغدۇرىمەن، مەن ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلىمەن. ئۇلار سۇغا قېنىپ ئۆسكەن ئوت-چۆپلەردەك، دەريا بويىدىكى تېرەكلەردەك ياشىرىپ تۇرىدۇ. بەزىلەر: ‹مەن پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ› دەيدۇ، بەزىلەر: ‹مەن ياقۇپنىڭ ئەۋلادى› دەيدۇ، بەزىلەر قولىغا: ‹پەرۋەردىگارنىڭكى› دەپ يېزىۋالىدۇ، يەنە بەزىلەر ئۆزلىرىنى ‹ئىسرائىللار› دەپ ھېسابلايدۇ.» ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى ۋە قوغدىغۇچىسى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «تۇنجىسى ۋە ئاخىرقىسى مەن بولىمەن، مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوق. كىم مەن بىلەن تەڭلىشەلەيدۇ؟ ئەگەر بار بولسا ئۆزىنى ماڭا ئاشكارىلىسۇن. ئۇ ماڭا، خەلقىمنى قەدىمدە تىكلىگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ئىشلارنى بايان قىلىپ بەرسۇن، ھەم بۇنىڭدىن كېيىن بولىدىغان ئىشلارنى دەپ بەرسۇن. ئۇ كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلاردىن ئالدىن بېشارەت بەرسۇن. قورقماڭلار! تىترەپ كەتمەڭلار! بۇرۇن مەن سىلەرگە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتقان ئەمەسمۇ؟ سىلەر مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىم! مەندىن باشقا يەنە خۇدا بارمۇ؟ يوق! مەندىن باشقا سىلەرنى قوغدىيالايدىغان ھېچقانداق قورام تاش يوقتۇر.» بۇتلارنى ياسىغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئەخمەق، ئۇلار قەدىرلىگەن بۇتلارنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوقتۇر. بۇتلارغا چوقۇنغۇچىلار قارىغۇلاردۇر، ئۇلار نومۇسقا قالىدۇ. پەقەت ئەخمەق كىشىلەرلا ھېچقانداق ياردەم بېرەلمەيدىغان بۇتنى ياسايدۇ. بۇت ياسىغانلارنىڭ ھەممىسى خىجالەتچىلىكتە قالىدۇ، ئۇلار پەقەت ئاجىز ئىنسان ئەمەسمۇ! ئۇلارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلسۇن. ئۇ ۋاقىتتا ئۇلارنى قورقۇنچ باسىدۇ، ئۇلار نومۇس قىلىدۇ. بۇت ياسايدىغان تۆمۈرچى مېتال ئەسۋاب بىلەن بۇيۇمنى ئوتقا سېلىپ قىزىتىدۇ، بولقىسى بىلەن سوقۇپ، ئۇنى ياسايدۇ، قولىنىڭ كۈچى بىلەن ئىشلەيدۇ، قورسىقى ئېچىپ ۋە ھېرىپ كېتىدۇ، ئۇ چاڭقاپ مادارىدىن كېتىدۇ. ياغاچچى ياغاچنى ئۆلچەپ، نەدىن كېسىش كېرەكلىكىنى بەلگىلەيدۇ. ئاندىن ئۇ ئىسكىنە ۋە باشقا ئەسۋابلارنى ئىشلىتىپ ئادەمنىڭ شەكلىنى ياساپ چىقىدۇ. ئۇ ئۇنى ناھايىتى چىرايلىق بېزەپ، بۇتخانىغا قويۇپ قويىدۇ. ئۇ كېدىر ياغىچىنى كېسىدۇ، ياكى ئورمانلىقتىكى كىپارىس، دۇپ دەرىخىنى تاللاپ قويۇپ، چوڭ ئۆسكەندىن كېيىن ئۇنى كېسىدۇ، ياكى قارىغاينى ئۆزى تىكىدۇ، يامغۇرلار ئۇنى چوڭ قىلىدۇ. بۇ دەرەخنىڭ بىر قىسمىنى ئوتۇن قىلىپ قالاپ ئىسسىنىدۇ ھەم نان پىشۇرىدۇ. يەنە بىر قىسمىدا ئۆزى چوقۇنىدىغان بىر «ئىلاھ»نى ياساپ چىقىدۇ. ئۇ بىر بۇت ياساپ، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ. ئۇ ياغاچنىڭ بىر قىسمىنى قالاپ گۆش پىشۇرۇپ، قورساقنى تويدۇرىدۇ ۋە ئىسسىنىدۇ. ئۇ: «مەن ئوتقا قاراپ ئولتۇرۇپ، ئىسسىنىۋالدىم» دەيدۇ. ئۇ قالغان بىر قىسىم ياغاچتا بىر بۇت ياسايدۇ ۋە ئۇنىڭغا سەجدە قىلىپ، چوقۇنىدۇ، ئۇ: «سەن مېنىڭ ئىلاھىم، مېنى قۇتقۇزغىن» دەپ دۇئا قىلىدۇ. ئۇلار ھەقىقەتەن ئەخمەق، كۆزلىرى كور كۆرەلمەيدۇ، قەلبى تۇتۇق چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئويلىمايدۇ، ھېچكىم چۈشەنمەيدۇ، ھېچكىم ھوشىنى تېپىپ: «مەن ياغاچلارنىڭ بىر قىسمىنى ئىسسىنىشقا، نان ۋە گۆشلىرىمنى پىشۇرۇشقا ئىشلەتتىم. ئەجەبا قالغان بىر قىسىم ياغاچتا يىرگىنچلىك بۇت ياسىمىدىممۇ؟ بىر تال ياغاچقا چوقۇنۇپ تەزىم قىلمىدىممۇ؟» دەپ ئويلىمايدۇ. ئەي كۈل يەيدىغان ئەخمەقلەر، سىلەرنىڭ نادان قەلبلىرىڭلار ئۆزۈڭلارنى ئالدايدۇ، بۇ بۇتلار سىلەرنى قۇتۇلدۇرالمايدۇ، سىلەر: «قولۇمدىكى بۇ نەرسە خۇدا ئەمەسقۇ!» دەپ ئويلىمايسىلەر. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، ئەي ئىسرائىللار! بۇنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار: سىلەر مېنىڭ خىزمەتكارىم. مەن سىلەرنى مېنىڭ خىزمەتكارىم بولۇشقا ياراتتىم، مەن سىلەرنى ئۇنتۇپ قالمايمەن. مەن سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى ئۆچۈرۈۋەتتىم، گۇناھىڭلار بۇلۇتلاردەك، ئەتىگەندىكى تۇماندەك غايىب بولدى. يولۇمغا قايتىڭلار، چۈنكى مەن سىلەرنى ئۆزۈمگە قايتۇردۇم.» ئەي ئەرشئەلا، شادلىنىپ ناخشا ئوقۇڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار ناھايىتى ئاجايىپ بىر ئىش قىلدى. ئەي يەر-زېمىن، شادلىق سادالىرىنى ياڭرىتىڭلار! تاغ چوققىلىرى، ئورمانلار ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق دەرەخلەر، ھەممىڭلار نەغمە-ناۋا قىلىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۆزىگە قايتۇردى، ئۇ ئىسرائىلىيەدە ئۇلۇغلىنىدۇ. سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدا تۆرەلدۈرگەن ۋە قوغداپ كەلگەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن بارلىق مەۋجۇداتنى ياراتقان پەرۋەردىگاردۇرمەن، مەن ئۆزۈم يالغۇز ئاسماننى يايدىم، مېنىڭ ئالەمنى يارىتىشىمغا ھېچكىم شېرىك بولمىدى. مەن ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ يالغانچىلىقىنى ئاشكارىلايمەن، كەلگۈسىدىن بېشارەت بەرگۈچىلەرنىڭ چاۋىسىنى چىتقا يايىمەن. بەزىلەر ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلايدۇ، مەن ئۇلارنىڭ ھاماقەتلىكىنى سۆكىمەن. ئەمما مەن ئۆز پەيغەمبەرلىرىمنىڭ سۆزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. مەن ئۇلارنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق يېرۇسالېم توغرىسىدا مۇنداق دېدىم: ‹ھامان بىر كۈنى يېرۇسالېمدا خەلقىم ياشايدۇ.› يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرى توغرىسىدا پەيغەمبەرلىرىم ئارقىلىق مۇنداق دېدىم: ‹ئۇلار ھامان بىر كۈنى بۇ خارابىلەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىدۇ.› مەن دېڭىزغا قاراپ: ‹قۇرۇپ كەت› دېسەم، ئۇ قۇرۇپ كېتىدۇ، مەن دەريالارنى قۇرۇتىمەن. مەن: ‹كورەش پادىشاھ پادىچىغا ئوخشاش خەلقىمنى باقىدۇ› دېسەم، ئۇ مېنىڭ ئىرادەمنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئۇ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ: ‹يېرۇسالېم قايتا قۇرۇلسۇن، ئىبادەتخانىسىنىڭ ئۇللىرى قايتا سېلىنسۇن› دەيدۇ.» پەرۋەردىگار كورەشنى تاللىدى، ئۇ ئۇنىڭغا كۈچ-قۇدرەت بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇ باشقا ئەللەرنى بويسۇندۇرۇپ، پادىشاھلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ. ئۇنىڭغا شەھەرلەرنىڭ دەرۋازىلىرىنى ئېچىپ بېرىدۇ، ھېچكىم بۇ دەرۋازىلارنى يېپىۋېتەلمەيدۇ. پەرۋەردىگار كورەش پادىشاھقا مۇنداق دەيدۇ: «كورەش، مەن سېنىڭ ئالدىڭدا ماڭىمەن، ئالدىڭدىكى تاغلارنى تۈزلىۋېتىمەن. تۇچ دەرۋازىلارنى بۇزۇپ تاشلايمەن، تۆمۈر تاقاقلارنى پاچاقلايمەن. مەن ساڭا يوشۇرۇپ قويۇلغان خەزىنىلەرنى، مەخپىي جايلارغا كۆمۈپ قويۇلغان بايلىقلارنى ئېچىپ بېرىمەن. مېنىڭ بۇ ئىشلارنى قىلىشتىكى مەقسىتىم: ئىسمىڭنى چاقىرغان، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان مەن پەرۋەردىگار خۇدا ئىكەنلىكىمنى سېنىڭ بىلىشىڭ ئۈچۈندۇر. گەرچە سەن مېنى تونۇمىساڭمۇ، مەن سېنىڭ ئىسمىڭنى چاقىرىمەن. ساڭا كاتتا شۆھرەتلىك نام بېرىمەن. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتىم: خىزمەتكارىم ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، يەنى مەن تاللىغان ئىسرائىللار ئۈچۈندۇر. مەن بىردىنبىر پەرۋەردىگارمەن، مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر! سەن مېنى تونۇمىساڭمۇ مەن ساڭا كۈچ-قۇدرەت بېرىمەن. كۈن چىقىشتىن تارتىپ، كۈن پېتىشقىچە بولغان زېمىنلاردىكى بارلىق خەلق، مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدانىڭ يوقلۇقىنى بىلسۇن. مەن بىردىنبىر پەرۋەردىگارمەن! مەن يورۇقلۇقنى ۋە قاراڭغۇلۇقنى ياراتتىم. مەن كىشىلەرگە ئامانلىقمۇ بېرەلەيمەن، بالا-قازامۇ كەلتۈرەلەيمەن. مەن پەرۋەردىگارمەن، مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلالايمەن. ئەي ئاسمان، سەندىن يامغۇر ياغقاندەك، ھەققانىيلىق ياغسۇن، بۇلۇتلاردىن قۇيۇلسۇن! يەر بۇنى ئىچىۋېلىپ، ھەققانىيلىق بىلەن نىجاتلىقنى ئۆستۈرسۇن! بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مەن پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىن كېلىدۇ.» ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ياراتقۇچىسى بىلەن مۇنازىرىلەشكەنلەر، سىلەر پەقەت لايدىن ياسالغان كوزا-ئىدىشلارغا ئوخشايسىلەر. لاي قانداقسىگە كۇلالچىدىن: «سەن مېنى نېمە قىلىۋاتىسەن؟» ياكى «ياساۋاتقان نەرسەڭنىڭ تۇتقۇچلىرى يوققۇ؟» دەپ سورىيالىسۇن! ئۆز ئاتىسىدىن: «سەن مېنى نېمە ئۈچۈن تۆرەلدۈردۈڭ؟» دەپ سورىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۆز ئانىسىدىن: «سەن مېنى نېمە ئۈچۈن تۇغدۇڭ؟» دەپ سورىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئىسرائىللار تاللىغان مۇقەددەس خۇدا، ئىسرائىل خەلقىنىڭ ياراتقۇچىسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ئۆز خەلقىمنىڭ تەقدىرى توغرۇلۇق مېنى سوراققا تارتماقچىمۇ؟ سىلەر ماڭا قانداق قىلىشىم كېرەكلىكىنى دەپ بەرمەكچىمۇ؟ زېمىننى بەرپا قىلغان، زېمىندىكى ئىنسانلارنى ياراتقان مەن بولىمەن. مەن ئاسماننى ئۆز قولۇم بىلەن يايدىم، ئاسماندىكى پۈتكۈل مەۋجۇداتلارنى ئۆز جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇردۇم. ئادالەت ئۈچۈن كورەش پادىشاھنى قوزغىتىدىغان، ئۇنىڭ يولىنى راۋان قىلىدىغان مەن بولىمەن. ئۇ مېنىڭ شەھىرىمنى قايتا قۇرىدۇ. ئۇ ھېچقانداق سوۋغات قوبۇل قىلماستىن ۋە پارا ئالماستىن، مېنىڭ سۈرگۈن قىلىنغان خەلقىمنى ئازاد قىلىدۇ.» مانا بۇ، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر. پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە مۇنداق دەيدۇ: «مىسىرنىڭ بايلىقى ۋە ئېفىيوپىيەنىڭ مال-مۈلۈكى سىلەرگە تەۋە بولىدۇ. بويلىرى ئېگىز سىبالىقلار سىلەرنىڭ قۇللىرىڭلار بولىدۇ. ئۇلار قوللىرىدىكى كىشەنلىرى بىلەن سىلەرنىڭ ئارقاڭلاردىن ماڭىدۇ. ئۇلار سىلەرگە باش ئېگىپ: ‹خۇدا سىلەرگە يار بولدى، ئۇ بىردىنبىر خۇدادۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر!› دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ.» ئەي، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، سەن بىزنىڭ قۇتقۇزغۇچىمىز. سەن ھەقىقەتەن ئۆزۈڭنى كۆرسەتمەيدىغان خۇدادۇرسەن! بۇت ياسىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى شەرمەندە بولىدۇ ۋە نومۇس قىلىدۇ، ئۇلار خورلۇقتا قالىدۇ. لېكىن پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنى قۇتقۇزىدۇ، ئەي ئىسرائىللار، پەرۋەردىگار سىلەرگە مەڭگۈلۈك نىجاتلىق بېرىدۇ. سىلەر ھېچقاچان شەرمەندە بولمايسىلەر، مەڭگۈ نومۇستا قالمايسىلەر. ئاسماننى ياراتقان پەرۋەردىگار ئۇ ھەقىقىي خۇدادۇر! ئۇ زېمىننى ياساپ، ئۇنى ياراتتى، ئۇنى مۇستەھكەم قىلدى. ئۇ زېمىننى قۇرۇق قويمىدى، ئىنسانلارنىڭ ياشىشى ئۈچۈن زېمىننى ياراتتى. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن، مەندىن باشقا خۇدا يوقتۇر. مەن يوشۇرۇن گەپ قىلمىدىم، ياكى قاراڭغۇ جايدا گەپ قىلمىدىم. مەن ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا: ‹مېنى ئىزدەپ تاپالمايسىلەر› دېمىدىم. مەن پەرۋەردىگار دائىم ھەقىقەتنى ۋە ئادىللىقنى سۆزلەيمەن. ئەي ئەللەردىكى ئامان قالغانلار، يىغىلىپ كېلىڭلار، يېقىنراق كېلىڭلار! ياغاچتىن ياسالغان، ئۆزلىرىنى قۇتقۇزالمايدىغان بۇتلارغا دۇئا قىلىپ، ئۇلارنى يۈدۈپ يۈرگەن ئادەملەر نېمىدېگەن ئەخمەق-ھە! نېمە ئاساسىڭلار بار؟ ئېيتىڭلار! سىلەر ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپ بېقىڭلار. كىم سىلەرگە بۇ ئىشلاردىن ئالدىن بېشارەت بەردى؟ بىرەر بۇت سىلەرگە بۇ ئىشلاردىن بېشارەت بەرگەنمۇ؟ ياق! بېشارەت بەرگەن مەن پەرۋەردىگار ئەمەسمۇ؟! مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر. مەن ھەققانىي خۇدا ۋە قۇتقۇزغۇچىدۇرمەن. مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر. ئەي، زېمىندىكى بارلىق ئىنسانلار، ماڭا يۈزلىنىڭلار، شۇنداق قىلغاندىلا قۇتقۇزۇلىسىلەر! مەن بىردىنبىر خۇدادۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر. مەن ئۆز نامىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مېنىڭ دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى ھەقىقەتتۇر. مېنىڭ سۆزلىرىم ھېچقاچان ئۆزگەرمەيدۇ، پۈتكۈل ئىنسان ماڭا تىزلىنىدۇ، ھەربىر ئىنسان ماڭا سادىق بولىدىغانغا قەسەم ئىچىدۇ. ئۇلار مۇنداق دەپ جاكارلايدۇ: ‹پەقەت پەرۋەردىگارلا غەلىبە ۋە كۈچ-قۇدرەتنىڭ مەنبەسىدۇر.›» ئۇنىڭغا غەزەپلەنگەنلەر ئۇنىڭ ئالدىدا نومۇسقا قالىدۇ. پۈتكۈل ئىسرائىل ئەۋلادلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمى بىلەنلا غەلىبە قىلىدۇ، ئۇلار ئۇنى ماختايدۇ. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىلاھ بېلنىڭ تىزى چۆكىدۇ، ئىلاھ نىبونىڭ قەددى پۈكۈلىدۇ، ئۇلارنىڭ شەكلىدە ياسالغان بۇتلىرى ھايۋانلارغا يۈكلەپ قويۇلىدۇ. ئىلگىرى بابىللىقلار كۆتۈرۈپ يۈرگەن بۇ بۇتلار ئەمدى ھارغىن ھايۋانلارغا ئېغىر يۈك بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئىلاھلارنىڭ قەددى پۈكۈلۈپ، تىزلىرى ئېگىلىدۇ، بۇ ئىلاھلار ئۆز بۇتلىرىنى قۇتقۇزالمايدۇ، ئەكسىچە بۇ كېرەكسىز ئىلاھلار ئۆز بۇتلىرى بىلەن ئەسىرلىككە تاپشۇرۇلىدۇ. ئەي ياقۇپ جەمەتى، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئەي، ئىسرائىلىيەنىڭ ئامان قالغان پۇقرالىرى! سىلەر تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا مەن سىلەرنى قوللاپ كەلدىم، سىلەر ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدىن چۈشكەن كۈندىن باشلاپلا مەن سىلەرنى كۆتۈرۈپ كەلدىم. تاكى سىلەر قېرىپ، چېچىڭلارغا ئاق كىرىپ كەتسىمۇ، مەن بۇ ئىشىمنى توختاتقىنىم يوق، مەن يەنىلا شۇ خۇدادۇرمەن، ئۆزگەرگىنىم يوق. مەن سىلەرنى ياراتقانىكەنمەن، ئەلۋەتتە سىلەرنى يۈدۈپ يۈرىمەن، ئەلۋەتتە سىلەرنى كۆتۈرىمەن، سىلەرنى قۇتقۇزىمەن. سىلەر مېنى كىم بىلەن سېلىشتۇرۇپ، كىم بىلەن تەڭ قىلىۋاتىسىلەر؟ ھېچكىم ماڭا ئوخشىمايدۇ، ماڭا تەڭ بولىدىغىنى يوقتۇر! بەزىلەر ھەميانلىرىدىن ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى چىقىرىشىپ، تارازىلاردا ئۆلچەيدۇ، ئۇلار ئۇستىلارنى ياللاپ، بۇ ئالتۇن-كۈمۈشلەردىن بىر بۇت ياسايدۇ، ھەمدە بۇ بۇتقا سەجدە قىلىپ چوقۇنىدۇ. ئۇلار بۇ بۇتنى مۈرىلىرىگە ئېلىپ كۆتۈرۈشۈپ، ئۇنى بىر جايغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، بۇ بۇت شۇ جايدا قىمىرلىماي تۇرىدۇ. بىركىم ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلسا، ئۇ جاۋاب قايتۇرمايدۇ. ئۇ ھېچكىمنى ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن قۇتقۇزالمايدۇ. ئەي، مەندىن يۈز ئۆرۈگەن خەلقىم، بۇ ئىشلارنى ئويلاڭلار، بۇلارنى ھەر ۋاقىت ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار. ئۆتمۈشتە مەن قىلغان ئىشلارنى ئويلاڭلار، مەن ھەقىقەتەن بىردىنبىر خۇدادۇرمەن، مەن خۇدادۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر. مەن كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىپ بېرىمەن، تېخى يۈز بەرمىگەن ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىپ بېرىمەن. مەن پىلانلىغان ھەرقانداق ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمەن. مەن خالىغان ھەرقانداق ئىشنى قىلالايمەن. مەن شەرقتىن بىر بۈركۈتنى چاقىرتىپ كېلىمەن، ئۇ يىراق بىر جايدىن كېلىدۇ، ئۇ مەن نېمىنى خالىسام، شۇنى قىلىدۇ. مەن ئېيتقانلىرىمنى چوقۇم قىلىمەن، مەقسەتلىرىمنىمۇ چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىمەن! ماڭا قۇلاق سېلىڭلار، ئەي جاھىللاشقان، ھەققانىيلىقتىن يىراقلاپ كەتكەن خەلقىم، مەن پات ئارىدا ئۆز قولۇم بىلەن ھەققانىيەتنى يۈرگۈزىمەن، ئۇ كۈن يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ، مېنىڭ نىجاتلىقىم كېچىكمەيدۇ، مەن سىئوننى قۇتقۇزىمەن، مەن ئىسرائىل خەلقىگە شان-شۆھرىتىمنى بېرىمەن.» پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ‹گۈزەل مەلىكە› بابىل، ئەمدى توپىدا ئولتۇر. ئەي ‹بابىل مەلىكىسى›، سەن داق يەردە ئولتۇر، ئەمدى سېنىڭ تەختىڭ يوق! ئەمدى سېنى ھېچكىم ‹نەقەدەر گۈزەل› دەپ تەرىپلىمەيدۇ. ھازىردىن باشلاپ تۈگمەن تېشى بىلەن ئۇن تارتىسەن. يۈزۈڭدىكى چۈمپەردەڭنى ئېلىپ تاشلا! ئېتەكلىرىڭنى قايرىپ قوي! پاقالچاقلىرىڭنى ئېچىپ، دەريادىن كېچىپ ئۆت! سەن يالىڭاچلىنىپ قېلىپ، نومۇسقا قالىسەن. مەن سەندىن قىساس ئالىمەن، مەن ھېچكىمنى ئايىمايمەن.» بىزنىڭ قوغدىغۇچىمىز، ئىسرائىل خەلقىنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدادۇر، ئۇنىڭ نامى: قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردۇر! پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ‹بابىل مەلىكىسى›، ئورنۇڭدا جىم ئولتۇر، ئەمدى سەن زۇلمەتكە يۈزلىنىسەن. سېنى ئەمدى ھېچكىم ‹پادىشاھلىقلارنىڭ خانىشى› دەپ ئاتىمايدۇ. مەن خەلقىمدىن غەزەپلەندىم. مەن ئۇلارنى تاشلىۋېتىپ، سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇردۇم، لېكىن سەن ئۇلارغا رەھىمدىللىك قىلمىدىڭ، ھەتتا قېرىلارنىمۇ ئاياپ قويمىدىڭ. سەن: ‹مەن ئالەمنىڭ مەڭگۈلۈك خانىشىمەن› دەپ جار سالدىڭ. سەن بۇ ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىمىدىڭ، ھەتتاكى خىيالىڭغىمۇ كەلتۈرمىدىڭ. ئەمدى بۇ سۆزلەرگە قۇلاق سالغىن: سەن: ‹تەختىم مەڭگۈ مۇستەھكەم تۇرىدۇ› دەپ ئويلاپ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ بىلەن ئەيش-ئىشرەتكە بېرىلىپ كەتتىڭ. سەن ئۆزۈڭچە: ‹مەندىن باشقا مەلىكە يوق، مەن تۇل قالمايمەن، بالىلىرىمدىن ئايرىلىپ قېلىش ئازابىنى تارتمايمەن› دەپ ئويلايسەن. شۇنى بىلگىنكى، بۇ ئىككى ئازاب تۇيۇقسىز بىر كۈندىلا بېشىڭغا كېلىدۇ. سەن قانچە كۆپ سېھىر ئىشلىتىپ، ئەپسۇنلارنى ئوقۇساڭمۇ، بەرىبىر تۇل قالىسەن، بالىلىرىڭدىن ھەم ئايرىلىپ قالىسەن. سەن ئۆزۈڭنىڭ رەزىللىكىڭگە تايىنىپ، ‹قىلغان يامان ئىشلىرىمنى ھېچكىم كۆرمەيدۇ› دەپ ئويلايسەن. سېنىڭ دانالىقىڭ، بىلىمىڭ سېنى يولدىن ئازدۇردى. سەن ئۆزۈڭچە: ‹دۇنيادا پەقەت مەن بىرلا، مەندىن ئۈستۈن تۇرىدىغان باشقا بىرسى يوق› دەپ ئويلايسەن. لېكىن بېشىڭغا شۇنداق چوڭ بالايىئاپەت كېلىدۇكى، سەن ھەرقانداق جادۇگەرلىك ئىشلىتىپمۇ ئۆزۈڭنى قوغدىيالمايسەن. بېشىڭغا چۈشكەن بۇ بالايىئاپەتتىن ھەرقانچە قىلىپمۇ قۇتۇلالمايسەن. بۇ بالايىئاپەت شۇنداق تېز كېلىدۇكى، سەن ئۇنى بىلمەيلا قالىسەن. قېنى، بالىلىقىڭدىن تارتىپ ئىشلىتىپ ئادەتلەنگەن سېھىر، ئەپسۇنلىرىڭنى ئىشقا سالغىنچۇ، بەلكىم ئۇنىڭ ساڭا ئازراق ياردىمى تېگىپ قالار، بەلكىم دۈشمەنلىرىڭنى قورقۇتالارسەن؟ ساڭا بېرىلگەن مەسلىھەتلەر سېنى ھالىڭدىن كەتكۈزدى. قېنى ئەمدى ئاشۇ مۇنەججىملىرىڭ؟ قېنى ئەمدى يۇلتۇزلارغا قاراپ تەبىر بەرگۈچىلىرىڭ؟ قېنى، ھەر يېڭى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى تەقدىرىڭنى ئالدىن ئيتىپ بېرىدىغان پالچىلىرىڭ؟ ئەمدى شۇلار كېلىپ سېنى بۇ بالايىئاپەتتىن قۇتقۇزۇپ باقسۇنچۇ! قارا، ئۇلار خۇددى ئوتقا تاشلانغان ساماندۇر، ئوت ئۇلارنى يالماپ يۇتىدۇ، ئۇلار بۇ ئوتتىن ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇپ قالالمايدۇ! بۇ ئوت ئىسسىنىش ئۈچۈن يېقىلغان ئوت ئەمەس، ئىسسىنىمەن دەپ، بۇ ئوتنىڭ يېنىغا بېرىپ ئولتۇرۇپ قالما! سەن ياشلىقىڭدىن تارتىپ باردى-كەلدى قىلىپ كەلگەن بۇ مۇنەججىملىرىڭ ئەمدى ساڭا ياردەم قىلالمايدۇ. ئۇلار ھەممىسى ئۆز يوللىرىغا كېتىدۇ، سېنى قۇتقۇزىدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمايدۇ.» سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئەي ياقۇپ جەمەتى، ئىسرائىل نامى بىلەن ئاتالغانلار، يەھۇدا ئەۋلادىدىن بولغانلار، سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىسىلەر، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانى ئېغىزىڭلاردىن چۈشۈرمەيسىلەر، لېكىن ئۇنى چىن دىلىڭلاردىن، سەمىمىيەتلىك بىلەن قىلمايسىلەر. سىلەر «ئۆزۈڭلارنى مۇقەددەس شەھەرنىڭ پۇقرالىرى» دەپ ئاتىۋالدىڭلار. سىلەر «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇداغا تايىنىمىز، دەيسىلەر. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۆتمۈشتە سىلەرگە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن. مەن ئۇلارنى ئۆز ئاغزىم بىلەن ئېيتقان، مەن ئۇلارنى ئالدىن سىلەرگە بىلدۈردىم. كېيىن مەن قوزغىلىپ، بارلىق بېشارەتلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم. چۈنكى مەن سىلەرنىڭ تەرسالىقىڭلارنى بىلىمەن، سىلەرنىڭ بوينۇڭلار خۇددى تۆمۈردەك، بوينۇڭلار خۇددى تۇچتەك قاتتىقتۇر. شۇڭا، سىلەرنىڭ: ‹بۇ ئىشلارنى مېنىڭ بۇتۇم قىلدى، مېنىڭ ياسىغان بۇتۇم، مەن قۇيۇپ ياسىغان ئىلاھىم شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇدى› دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈن، مەن سىلەرگە بۇرۇنلا بۇ ئىشلار توغرىسىدا ئېيتقانىدىم، بۇ ئىشلارنى يۈز بەرمەستىن ئىلگىرىلا سىلەرگە بىلدۈرگەنىدىم. سىلەر ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئەجەبا، يەنە قايىل بولمامسىلەر؟ مەن ھازىردىن باشلاپ سىلەرگە يېڭى ئىشلارنى، سىلەر ئاڭلاپ باقمىغان سىرلىق ئىشلارنى بىلدۈرىمەن. بۇ ئىشلار ئىلگىرى بولۇپ باقمىغان، مانا ئەمدى يۈز بېرىدۇ، بۇ ئىشلارنى سىلەر ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان. سىلەر ئەمدى، بىز بۇ ئىشلارنى ئاللىبۇرۇنلا بىلەتتۇق، دېيەلمەيسىلەر. سىلەر بۇ ئىشلارنى بىلمەيسىلەر، ھەتتا ئاڭلاپمۇ باقمىغان. سىلەرنىڭ قۇلىقىڭلار ئەزەلدىن ئېچىلىپ باقمىغان. مەن سىلەرنىڭ ئىنتايىن مەككارلىقىڭلارنى بىلىمەن، سىلەر بۇرۇندىن باشلاپلا ماڭا قارشى چىقتىڭلار. مەن ئۆزۈمنىڭ نامىنى بۇلغىماسلىق ئۈچۈنلا غەزىپىمنى بېسىپ كەلدىم، ئۆزۈمنىڭ شان-شەرىپىگە داغ چۈشۈرمەسلىك ئۈچۈنلا قىلمىشلىرىڭلارغا چىداپ كېلىپ، سىلەرنى يوقاتمىدىم. مانا قاراڭلار، مەن سىلەرنى تاۋلىدىم، مەن سىلەرنى كۈمۈشنى ئوتتا تاۋلىغاندەك ئەمەس، بەلكى سىلەرنى ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ ئوچىقىدا تاۋلاپ پاكلىدىم. مېنىڭ سىلەرنى يوقاتماسلىقىم پەقەت ئۆزۈم ئۈچۈندۇر، چۈنكى مەن قانداقمۇ ئۆزۈمنىڭ نامىنىڭ ھۈرمەتسىزلىنىشىگە يول قويىمەن. ماڭا تېگىشلىك بولغان ئۇلۇغلۇقنى باشقا ھېچقانداق بىرى بىلەن ئورتاقلاشمايمەن.» «ئەي ياقۇپ جەمەتى، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار، ئەي، مەن تاللاپ چاقىرىۋالغان ئىسرائىل خەلقى، گېپىمنى ئاڭلاڭلار! مەن پەرۋەردىگارىڭلارمەن، مەن تۇنجىسى ۋە ئاخىرقىسىدۇرمەن. مەن ئۆز قولۇم بىلەن بۇ زېمىننىڭ ئۇلىنى سالدىم، مەن ئوڭ قولۇم بىلەن ئاسماننى يايدىم. مەن ئۇلارغا بىرلا چاقىرىق قىلسام، ئۇلار شۇ ھامان تەييار بولىدۇ. يىغىلىڭلار، ھەممىڭلار قۇلاق سېلىڭلار، قايسى بىر بۇت سىلەرگە بۇ ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىپ بېرەلىگەن؟ مېنىڭ ئىرادەم بويىچە بابىلغا قارشى ئىش قىلغۇچىنى، مەنكى پەرۋەردىگار ياخشى كۆرىمەن. ئۇ قولىنى بابىللىقلارغا قارشى كۆتۈرىدۇ. بۇ ئىشلارنى پەقەت مەن دېدىم، ئۇنى مەن چاقىرىمەن، ئۇنى مەن باشلاپ كېلىمەن. ئۇ قىلغان ئىشلار چوقۇم ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. ھەممىڭلار يېنىمغا كېلىپ، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار، مەن ئەزەلدىنلا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئېيتىپ كەلدىم. مەن باشتىن ئاخىر بۇ ئىشلارنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ كەلدىم.» مانا ئەمدى ئىگەم پەرۋەردىگار ماڭا ئۆز روھىنى ئاتا قىلىپ، مېنى ئەۋەتتى. قوغدىغۇچىمىز _ ئىسرائىل خەلقىنى تاللىغان مۇقەددەس پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن، مەن سىلەرگە پايدىلىق ئادەم بولۇشنى ئۆگىتىمەن، سىلەرنى توغرا يولغا باشلايمەن. سىلەر مېنىڭ ئەمىرلىرىمگە بويسۇنغان بولساڭلار ئىدى، پاراۋانلىقىڭلار تىنچ ئېقىپ تۇرغان دەريادەك بولاتتى، ھەققانىيلىقىڭلارمۇ توختاۋسىز ئۆركەشلەپ تۇرغان دېڭىز دولقۇنلىرىدەك دائىم ھۆكۈم سۈرەتتى. ئۇرۇق-ئەۋلادىڭلار خۇددى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك ساناقسىز بولاتتى، ئەۋلادلىرىڭلار خۇددى قۇم زەررىچىلىرىدەك كۆپ بولاتتى. ئۇلارنىڭ نامى مەڭگۈ ئۆچمەيتتى، ھەرگىز مېنىڭ ئالدىمدىن يوقىتىلمايتتى.» سىلەر بابىلدىن چىقىپ كېتىڭلار، بابىللىقلارنىڭ قولىدىن قېچىپ كېتىڭلار. سىلەر بار ئاۋازىڭلار بىلەن تەنتەنە قىلىپ: «پەرۋەردىگار خىزمەتكارى ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى قوغدىدى» دەپ، پۈتۈن دۇنياغا جاكارلاڭلار! پەرۋەردىگار خەلقىمنى قۇملۇقلاردىن ئېلىپ ماڭغاندا، ئۇلار ئۇسسۇلۇقتىن قىينالمىدى. چۈنكى خۇدا تاشتىن سۇ چىقىرىپ بەردى، خۇدا تاشنى يارغانىدى، ئۇ يەردىن بۇلاق سۇلىرى ئېتىلىپ چىقتى. پەرۋەردىگار: «رەزىل ئادەملەرگە ئامانلىق يوقتۇر» دەيدۇ. قۇلاڭ سېلىڭلار، ئەي دېڭىز بويلىرىدىكى ئەللەر! دىققەت قىلىپ ئاڭلاڭلار، ئەي يىراقتىكى خەلقلەر! مەن تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرىلا پەرۋەردىگار مېنى چاقىردى، مەن ئانامنىڭ قورسىقىدىكى چېغىمدىلا مېنىڭ ئىسمىمنى ئاتاپ چاقىردى. ئۇ مېنىڭ تىلىمنى خۇددى قىلىچتەك ئۆتكۈر قىلدى، ئۇ قولىنىڭ سايىسىدا مېنى قوغدىدى، ئۇ مېنى خۇددى ئوقيادەك ئۇچلۇق قىلدى، ئۇ مېنى ئۆزىنىڭ ئوقدانىدا ساقلىدى. ئۇ ماڭا: «ئەي ئىسرائىل خەلقىم، سەن مېنىڭ خىزمەتكارىمسەن، مەن سەن ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ شان-شەرىپىنى نامايان قىلىمەن» دېدى. لېكىن مەن ئۇنىڭغا مۇنداق دېدىم: «مېنىڭ مېھنەتلىرىم بىھۇدىدۇر، مەن كۈچۈمنى سەرپ قىلىپ، ھېچبىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمىدىم.» ئەمما پەرۋەردىگار ماڭا چوقۇم ئادىل مۇئامىلە قىلىدۇ، مېنىڭ مۇكاپاتىم پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىدۇر. ياقۇپ ئەۋلادلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتۇرۇپ كېلىش، ئىسرائىللارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا توپلاش ئۈچۈن، ئۇ مېنى قورساقتا تۆرەلگەن چېغىمدىلا ئۆزىنىڭ خىزمەتكارى قىلىپ ياراتتى. مەن قورساقتا تۆرەلگەن چېغىمدىلا ئۇ مېنى ئۆزىنىڭ خىزمەتكارى قىلدى. مەن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئەزىزدۇرمەن، خۇدايىم مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىمدۇر. پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار، پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «ياقۇپ قەبىلىلىرىنى قايتىدىن تىكلەيسەن، ئىسرائىللاردىن ئامان قالغانلارنى قايتۇرۇپ كېلىسەن، مەن سېنى پەقەت مۇشۇ ئىشلار ئۈچۈنلا خىزمەتكار قىلغىنىم يوق! مېنىڭ نىجاتلىقىم دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە يېتىپ بارسۇن دەپ، سېنى پۈتكۈل ئەللەرگە نۇر قىلىمەن.» ئەللەر تەرىپىدىن نەپرەتلىنىپ رەت قىلىنغان، ھۆكۈمدارلار تەرىپىدىن قۇل قىلىنغان خىزمەتكارىغا پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى قوغدايدىغان، ئۇلارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سېنى كۆرۈپ شاھلار ئورنىدىن تۇرىدۇ، ھۆكۈمدارلار ئالدىڭدا تىزلىنىپ، ساڭا تەزىم قىلىدۇ. چۈنكى سېنى تاللىغان پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا ئىشەنچلىكتۇر.» پەرۋەردىگار سىئونغا مۇنداق دەيدۇ: «ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، مەن ساڭا جاۋاب بېرىمەن، نىجاتلىق كۈنى كەلگەندە، مەن ساڭا ياردەم قىلىمەن. مەن سېنى قوغدايمەن، مەن سېنى خەلقىم بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەمنىڭ ۋاسىتىچىسى قىلىمەن. سەن بۇ يۇرتنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىسەن، خارابىلىككە ئايلانغان بۇ زېمىننى قايتىدىن تەقسىم قىلىسەن. سەن ئەسىرلەرگە ‹ئەمدى ئەركىن بولدۇڭلار› دەيسەن، زۇلمەتتە ياشاۋاتقانلارغا ‹نۇرغا چىقىڭلار› دەيسەن. ئۇلار يول بويى يېمەكلىكلەرگە ئېرىشىدۇ، تاقىر تاغلار ئۇلارنىڭ يايلاقلىرىغا ئايلىنىدۇ. ئۇلار ئاچ قالمايدۇ، ئۇسسۇزلۇقنىڭ ئازابىنى تارتمايدۇ، قۇياشنىڭ ھارارىتى ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ ئازابلىمايدۇ. مەن ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇلارنى يېتەكلەپ ماڭىمەن، ئۇلارنى بۇلاقلارغا باشلاپ بارىمەن. مەن تاغلارنى تۈزلەپ يول ئېچىپ، ئۇلارغا داغدام يول تەييارلايمەن. قاراڭلار، ئۇلار يىراق جايلاردىن كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى شىمالدىن، بەزىلىرى غەربتىن، يەنە بەزىلىرى مىسىر زېمىنىدىن كېلىشمەكتە.» تەنتەنە قىلغىن، ئەي كەڭ ئاسمان! خۇرسەنلىككە تولغىن، ئەي يەر-زېمىن! ياڭراتقىن كۈيلىرىڭنى، ئەي تاغلار! چۈنكى پەرۋەردىگار خەلقىگە تەسەللى بېرىدۇ. ئېزىلگەن خەلقىگە رەھىمدىللىكىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن سىئون: «پەرۋەردىگار مېنى تاشلاپ كەتتى، ئىگەم مېنى ئۇنتۇدى» دەيدۇ. پەرۋەردىگارىم مۇنداق دەيدۇ: «ئانا قانداقمۇ ئېمىۋاتقان بالىسىنى ئۇنتۇپ قالسۇن؟ ئۆزى تۇغقان بالىسىغا قانداقمۇ رەھىمدىللىك كۆرسەتمىسۇن؟ ئانا ئۆزى تۇغقان بالىسىنى ئۇنتۇپ قالغان تەقدىردىمۇ، مەن سېنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمەن. قارا، مەن سېنىڭ نامىڭنى ئالىقىنىمغا يېزىۋالدىم، سېنىڭ شەھەر سېپىللىرىڭ ھەر ۋاقىت مېنىڭ كۆز ئالدىمدا. سېنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىڭ پات ئارىدا قايتىپ كېلىدۇ، سېنى ۋەيران قىلىپ يوقاتماقچى بولغانلار كېتىدۇ. سەن بېشىڭنى كۆتۈرۈپ، تۆت ئەتراپىڭغا قاراپ باققىن، ھەممە ئوغۇل-قىزلىرىڭ كېلىپ ئەتراپىڭغا توپلانماقتا.» پەرۋەردىگارىم يەنە مۇنداق دەيدۇ: «مەنكى _ مەڭگۈ ھايات خۇدا شۇنداق قەسەم قىلمەنكى، بۇ ئوغۇل-قىزلىرىڭ خۇددى زىبۇ-زىننەتلەردەك سېنى ھەر جەھەتتىن بېزەيدۇ، ئۇلار سېنى خۇددى يېڭى كېلىنچەكتەك گۈزەل تۈسكە كىرگۈزىدۇ. بۇزۇۋېتىلگەن، چۆلدەرەپ كەتكەن، ۋەيران قىلىۋېتىلگەن زېمىنلىرىڭ، ئەمدى پۇقرالىرىڭنىڭ ياشىشىغا تارلىق قىلىدۇ. سېنى يوقاتماقچى بولغانلار ئەمدى سەندىن يىراقلىشىدۇ. سەن ئەسىرلىكتە يۈرگەن چاغلىرىڭدا تۇغۇلغان ئوغۇل-قىزلىرىڭ ساڭا: ‹بۇ يەر بىزگە تارلىق قىلىۋاتىدۇ، بىزگە ياشىغۇدەك كەڭرەك يەر بېرىڭ› دەيدۇ. شۇ چاغدا سەن كۆڭلۈڭدە شۇنداق ئويلايسەن: ‹ئۇلارنى كىم ماڭا تۇغۇپ بەردى؟ مېنىڭ بالىلىرىم ئۆلتۈرۈلگەن، مەن تۇغماس بولۇپ قالغانىدىم، مەن سىرتلاردا سەرسان بولۇپ، خار بولۇپ يۈرگەنىدىم، ئۇلارنى كىم ماڭا بېقىپ چوڭ قىلىپ بەردى؟ مەن يالغۇز قالغان ئىدىمغۇ، ئۇلار قەيەرلەردىن كېلىپ قالدى؟›» ئىگەم پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: «مەن بارلىق ئەللەرگە قولۇمنى پۇلاڭلىتىپ، پۈتكۈل خەلقلەر ئالدىدا چاقىرىق تۇغۇمنى تىكلەيمەن. ئۇلار ئوغۇللىرىڭنى قوللىرىدا كۆتۈرۈشۈپ ساڭا ئەكېلىپ بېرىدۇ، قىزلىرىڭنى دۈمبىلىرىدە ھاپاشلاپ ئەكېلىپ بېرىدۇ. شاھلار سېنىڭ خىزمىتىڭدە بولۇپ بالىلىرىڭنى باقىدۇ، خانىشلار ئىنىكئانا بولىدۇ. ئۇلار باشلىرىنى يەرگە تەگكۈدەك ئېگىپ، ساڭا تەزىم قىلىشىدۇ. ئاياغلىرىڭدىكى چاڭلارنى تىللىرى بىلەن يالايدۇ. شۇ چاغدا سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن، ماڭا ئۈمىد باغلىغانلار ھەرگىز نائۈمىدتە قالمايدۇ.» باتۇرنىڭ قولىدىكى ئولجىنى كىممۇ تارتىپ ئالالىسۇن؟ زالىمنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان ئەسىر قانداقمۇ قۇتۇلۇپ چىقالسۇن؟ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «باتۇرنىڭ قولىدىكى ئولجا چوقۇم تارتىپ ئېلىنىدۇ، زالىمنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان ئەسىرمۇ قۇتقۇزۇلىدۇ. ساڭا قارشى چىققانلارغا مەن قارشى چىقىمەن، بالىلىرىڭنى مەن قۇتقۇزىمەن. مەن ساڭا زۇلۇم سالغانلارغا ئۆز گۆشىنى ئۆزىگە يېگۈزىمەن، ئۇلارنىڭ ئۆز قېنىنى ئۆزىگە ئىچۈرۈپ، خۇددى شاراب ئىچكەندەك مەست قىلىۋېتىمەن. ئەنە شۇ چاغدا يەر يۈزىدىكى پۈتۈن ئىنسانلار مەن پەرۋەردىگارنىڭ سېنىڭ قۇتقۇزغۇچىڭ، قوغدىغۇچىڭ ئىكەنلىكىمنى، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان ھەممىگە قادىر خۇدا ئىكەنلىكىمنى بىلىپ قالىدۇ.» پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئاناڭلارنى ھەيدەپ چىقارغاندا، ئۇنى تالاق قىلدى، دەپ ئويلامسىلەر؟ ئۇنداقتا تالاق خېتى قېنى؟ مەن قەرزدار بولۇپ قېلىپ، سىلەرنى قەرز بەرگۈچىگە سېتىۋەتتىممۇ؟ ياق! قاراڭلار، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن سېتىۋېتىلدىڭلار، ئاناڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ ئىتائەتسىزلىكىدىن ھەيدەلدى. مەن سىلەرنى قۇتقۇزۇشقا كەلگەندە، نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە بىرمۇ ئادەم يوق؟ مەن چاقىرسام، نېمە ئۈچۈن بىرمۇ ئادەم جاۋاب بەرمەيدۇ؟ سىلەرنى قۇتقۇزۇش مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەمدۇ؟ سىلەرنى ئازاد قىلىشقا قۇدرىتىم يەتمەمدۇ؟ مەن دېڭىزغا بىرلا بۇيرۇق قىلسام، ئۇ قۇرۇپ كېتىدۇ. دەريالارنى چۆلگە ئايلاندۇرۇۋېتەلەيمەن، سۇ بولمىغانلىقتىن بېلىقلار ئۆلۈپ سېسىيدۇ. مەن ئاسماننى قاراڭغۇ گۈمبەز قىلىۋېتەلەيمەن، ماتەملىك رەخت بىلەن ئاسماننى توسۇۋېتەلەيمەن.» ئىگەم پەرۋەردىگار ماڭا ئەقىل-پاراسەت بېرىپ، چارچىغانلارغا قانداق سۆزلەر بىلەن مەدەت بېرىشنى ئۆگەتتى. ھەر كۈنى سەھەردە ئىگەم مېنى ئويغىتىدۇ، مېنى شاگىرتقا ئوخشاش دىققەت بىلەن ئاڭلىسۇن دەپ، قۇلاقلىرىمنى ئاچتى. ئىگەم پەرۋەردىگار قۇلاقلىرىمنى سەزگۈرلەشتۈردى، مەن ئىتائەتسىزلىك قىلمىدىم، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈمىدىم. ئارقا تەرىپىمدىن مېنى ئۇرغانلارغا مەن ئۆزۈمنى تۇتۇپ بەردىم، ساقىلىمنى يۇلغانلارغا يۈزۈمنى تۇتۇپ بەردىم. مېنى ھاقارەت قىلىپ يۈزۈمگە تۈكۈرگەنلەردىن ئۆزۈمنى قاچۇرمىدىم. ئىگەم پەرۋەردىگار ماڭا مەدەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن، مەن شۇ خورلۇقلاردىن نومۇس قىلمىدىم، شۇڭا مېنىڭ ئىرادەم خۇددى ئۇيۇل تاشتەكتۇر، شەرمەندىچىلىككە قېلىشىمدىن ئەنسىرەش ھاجەتسىزدۇر. مېنى ئاقلىغۇچى مېنىڭ يېنىمدىدۇر، قېنى، كىم مەن بىلەن دەۋالىشالايدۇ؟ بىز يۈزلىشەيلى! قېنى، كىم مېنى ئەيىبلىيەلەيدۇ؟ بىز سوتقا بارايلى! مانا، ئىگەم پەرۋەردىگار ماڭا مەدەت بەرمەكتە، قېنى، كىم مېنى گۇناھكار دەپ ئېيتالايدۇ؟ قاراڭلار، ئۇلار خۇددى كىيىدىغان كىيىمدەك كونىرايدۇ، ئۇلارنى كۈيە يەپ تۈگىتىدۇ. قېنى، ئاراڭلاردا كىم پەرۋەردىگارغا ئىخلاس قىلىپ، ئۇنىڭ خىزمەتكارىغا بويسۇنىدۇ؟ زۇلمەتتە يۈرگەنلەر، يورۇقلۇقتىن مەھرۇم بولغانلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئۈمىد باغلىسۇن، خۇداغا تايانسۇن. لېكىن، ئوت يېقىپ، ئۆزى ئۈچۈن مەشئەل تەييارلىغانلار، شۇ مەشئەلنىڭ يورۇقىدا مېڭىۋەرسۇن! ئۇلار ھامان ئازاب ئىچىدە ياتىدۇ، بۇ ئاقىۋەتنى خۇدا ئۆز قولى بىلەن ئۇلار ئۈچۈن تەييارلىغاندۇر. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ھەققانىيلىققا ئىنتىلىپ، مېنى ئىزدىگەنلەر، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئۆزۈڭلار ئويۇپ ئېلىنغان ئاشۇ قورام تاشنى ئەسلەپ بېقىڭلار، قەيەردىن قېزىپ ئېلىنغانلىقىڭلارنى ئويلاپ بېقىڭلار. ئەجدادىڭلار ئىبراھىمنى، سىلەرنى تۇغقان سارەنى ئەسلەپ بېقىڭلار. مەن ئىبراھىمنى چاقىرغاندا، ئۇنىڭ پەرزەنتى يوق ئىدى، لېكىن مەن ئۇنىڭغا بەرىكەت بېرىپ، ئۇنىڭ ئەۋلادىنى كۆپەيتتىم. مانا مەن پەرۋەردىگار سىئونغا تەسەللى بېرىمەن، ئۇنىڭ خارابىلىرىگە تەسەللى بېرىمەن. ھەمدە سىئوننىڭ بارلىق خارابىلىكلىرىنى ئېرەم باغقا ئايلاندۇرىمەن. ئۇنىڭ چۆللۈكلىرىنى مېنىڭ بېغىمغا ئايلاندۇرىمەن. ئۇ يەردە شادلىق ھەم خۇشاللىق بولىدۇ. شۈكۈر ۋە ھەمدۇسانالارنىڭ ساداسى ياڭرايدۇ. ئەي خەلقىم، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار، ئەي خەلقىم، سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار: تەلىملىرىم مەندىن تارقىلىدۇ، ئادالىتىم خەلققە نۇر بولىدۇ. مېنىڭ ھەققانىيلىقىم كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ، قۇتقۇزۇلۇش باشلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ. مەن خەلقلەرگە ئادالەت بېرىمەن. دېڭىز بويىدىكى يىراق ئەللەرمۇ مېنى كۈتىدۇ، ئۇلار مېنىڭ قۇدرىتىمگە ئۈمىد باغلايدۇ. سىلەر ئاسمانغا قاراپ بېقىڭلار، ئېڭىشىپ زېمىنغا قاراپ بېقىڭلار. ئاسمان خۇددى تۈتۈندەك ئىز-دېرەكسىز يوقىلىدۇ، زېمىن خۇددى كىيىمدەك كونىراپ تۈگەيدۇ. زېمىندىكى ئادەملەرمۇ خۇددى چىۋىندەك ئۆلۈپ كېتىدۇ. لېكىن مەن بېرىدىغان نىجاتلىق مەڭگۈ مەۋجۇتتۇر. مېنىڭ ھەققانىيلىقىم مەڭگۈ ئەمەلدىن قالمايدۇ. ئەي ھەققانىيلىقنى بىلگەنلەر، مېنىڭ قانۇنلىرىمنى قەلبىگە چىڭ پۈككەنلەر، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! باشقىلارنىڭ سىلەرنى ھاقارەتلىشىدىن قورقماڭلار، ئۇلارنىڭ سىلەرنى ئاھانەت قىلىشىدىنمۇ ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. چۈنكى كىيىمنى كۈيە، يۇڭنى قۇرت يېگەندەك، ئۇلارنىمۇ ئۆلۈم يەپ تۆگىتىدۇ. لېكىن مېنىڭ ھەققانىيلىقىم مەڭگۈ مەۋجۇتتۇر. مېنىڭ نىجاتلىقىم ئەبەدىي داۋاملىشىدۇ.» ئەي پەرۋەردىگار، ئويغىنىپ قولۇڭنى كۆتۈرگەيسەن، كۈچ-قۇدرىتىڭنى نامايان قىلغايسەن. خۇددى بۇرۇنقى زاماندىكىگە ئوخشاش، ئۆز قۇدرىتىڭنى كۆرسەتكەيسەن! دېڭىز مەخلۇقى راخابنى پارچىلاپ تاشلىغان سەن ئەمەسمۇ! قورقۇنچلۇق دېڭىز مەخلۇقىنى سانجىپ ئۆلتۈرگەن سەن ئەمەسمۇ! دېڭىزدىكى سۇلارنى، تېگى يوق ھاڭلاردىكى سۇلارنى قۇرۇتقان سەن ئەمەسمۇ! قۇللۇقتىن قۇتقۇزغان خەلقىڭنىڭ ئۆتۈۋېلىشى ئۈچۈن، دېڭىزدىن قۇرۇقلۇق پەيدا قىلىپ، يول ئاچقان سەن ئەمەسمۇ! پەرۋەردىگار قۇتقۇزغان كىشىلەر يېرۇسالېمغا قايتىدۇ. ئۇلار سىئونغا قايتىپ كېلىپ، شادلىق ناخشىلىرىنى ياڭرىتىدۇ. مەڭگۈلۈك خۇشاللىقنى باشلىرىغا تاج قىلىپ تاقايدۇ. ئازاب ۋە قايغۇ تۈگەيدۇ، ئۇنىڭ ئورنىنى خۇشاللىق ۋە شادلىق ئالىدۇ. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن، پەقەت ۋە پەقەت مەنلا سىلەرگە تەسەللى بېرەلەيمەن. سىلەر كىمدىن قورقىسىلەر؟ ئۆلىدىغان ئادەمدىنمۇ؟ خۇددى ئوت-چۆپكە ئوخشاش سولىشىپ خازان بولىدىغان ئىنساندىنمۇ؟ ئەجەبا، كەڭ ئاسماننى يېيىپ، زېمىن ئۇلىنى سالغان، ياراتقۇچى مەن پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇپ قالدىڭلارمۇ؟ سىلەرنى يوقاتماقچى بولغان زالىملارنىڭ غەزىپىدىن، ھەر ۋاقىت قورقۇپ، ھولۇقۇپلا يۈرەمسىلەر؟ قېنى ئەمدى ئۇ زالىملارنىڭ غەزىپى؟ ئەسىردىكىلەر ئازادلىققا چىقىدۇ، ئۇلار زىنداندا ئۆلمەيدۇ، ئۇلار يېمەكلىككىمۇ زار بولمايدۇ. چۈنكى مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن، مەن دېڭىز سۈيىنى ئاستىن-ئۈستىن قىلىپ، دېڭىز شاۋقۇنلىرىنى پەيدا قىلالايمەن. ‹قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار› بۇ مېنىڭ نامىمدۇر. سېنىڭ جاكارلىشىڭ ئۈچۈن سۆزلىرىمنى ئاغزىڭغا سېلىپ بەردىم، قولۇمنى ساڭا سايە قىلدىم. بىپايان ئاسماننى يېيىپ، زېمىننىڭ ئۇلىنى سالغانمەن، ھەمدە سىئونغا: ‹سىلەر مېنىڭ خەلقىمسىلەر› دېگەنمەن.» ئويغان، ئەي يېرۇسالېم، ئويغان! ئورنۇڭدىن دەس تۇر! سەن قەدەھتىكى ئادەمنى ئېگىز-پەس دەسسىتىدىغان، پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىكى ئازاب شارابىنى پاك-پاكىز ئىچىۋەتتىڭ. ئۆزۈڭ تۇغقان شۇنچە كۆپ ئوغۇللىرىڭدىن سېنى يۆلەپ ماڭىدىغان بىرەرسىمۇ چىقمىدى. ئۆزۈڭ ئۆستۈرۈپ چوڭ قىلغان شۇنچە كۆپ ئوغۇللىرىڭدىن سېنى يېتىلەپ ماڭىدىغان بىرەرسىمۇ چىقمىدى. بېشىڭغا قوش ئاپەت كەلدى، كىممۇ سەن ئۈچۈن قايغۇرار؟ ۋەيرانچىلىق، ھالاكەت، ئاچارچىلىق، ئۇرۇش ئاپىتى سېنىڭ بېشىڭغا چۈشتى، كىممۇ ساڭا تەسەللى بېرەر؟ ئوغۇللىرىڭ خۇددى قاپقانغا چۈشۈپ قالغان بۆكەندەك، كوچا-كوچىلاردا سۇنايلىنىپ ھوشسىز يېتىشماقتا. پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى ۋە تەنبىھلىرى ئۇلارنى شۇ ھالغا چۈشۈردى. ئەي، ئازاب-ئوقۇبەت چەككەنلەر، سىلەر مەست، لېكىن بۇ شارابنىڭ سەۋەبىدىن ئەمەس. شۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلاركى، ئىگەڭلار پەرۋەردىگار، ئۆز خەلقىنى ھىمايە قىلىدىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «قاراڭلار، مەن سىلەرنىڭ قولىڭلاردىن ئادەمنى ئېگىز-پەس دەسسىتىدىغان، قەدەھتىكى ئازابقا تولغان شارابنى ئېلىۋالدىم، ئەمدى سىلەر بۇ قەدەھتىن شاراب ئىچمەيسىلەر. مەن ئەمدى بۇ قەدەھنى سىلەرگە زۇلۇم سالغانلارنىڭ قولىغا بېرىمەن. ئۇلار سىلەرگە: ‹يەردە يات، بىز ئۈستۈڭدىن دەسسەپ ئۆتىمىز!› دېگەنىدى. سىلەر يەردە يېتىپ دۈمبەڭلارنى ئۇلارغا يول قىلىپ بەردىڭلار، ئادەملەر ئۈستۈڭلاردىن خۇددى كوچىدا ماڭغاندەك دەسسەپ مېڭىشتى.» ئويغان ئەي يېرۇسالېم، ئويغان، قېنى، كۈچ-قۇدرىتىڭنى نامايان قىلغىن! ئەي مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېم، قېنى، ھەشەمەتلىك كىيىملىرىڭنى كىيگىن. بۈگۈندىن باشلاپ خەتنىسىزلەر ۋە ناپاكلار دەرۋازىلىرىڭغا باستۇرۇپ كەلمەيدۇ. ئەي يېرۇسالېم، ئۈستبېشىڭدىكى چاڭ-توزاننى قېقىۋەتكىن. ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، ئۆزۈڭنىڭ تەختىگە بېرىپ ئولتۇرغىن. ئەي ئەسىرلىكتە قالغان سىئون خەلقى، بوينۇڭدىكى زەنجىرنى ئۈزۈپ تاشلىغىن. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ھەقسىز سېتىلغانىدىڭلار، مانا ئەمدى ھەقسىز قۇتقۇزۇلىسىلەر.» پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «قەدىمدە خەلقىم مىسىرغا بېرىپ ياشىغانىدى، كېيىن ئاسسۇرلار ئۇلارغا زۇلۇم سالدى.» پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ھازىر مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ خەلقىم سەۋەبسىزلا ئەسىر قىلىندى، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمدارلىرى ماختىنىپ چۇقان سېلىپ، مېنىڭ نامىمنى كۈن بويى ھاقارەت قىلماقتا. ئەمما، خەلقىم ھامان نامىمنى ئېتىراپ قىلىدۇ. شۇ كۈن كەلگەندە، ئۇلار ‹مانا مەن بۇ يەردىمەن› دەۋاتقانلىقىمنى بىلىدۇ.» تاغ-داۋانلاردىن ئېشىپ، خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگۈچىنىڭ قەدەملىرى نەقەدەر گۈزەل-ھە! ئۇ تىنچلىقنى ئېلان قىلىدۇ، ياخشى خەۋەر ئېلىپ كېلىدۇ، نىجاتلىقنى ئېلان قىلىدۇ، ئۇ سىئونغا: «سېنىڭ خۇدايىڭ ھۆكۈمراندۇر» دەيدۇ. قۇلاق سېلىڭلار، قاراۋۇللىرىڭلار ۋارقىرىماقتا، بىردەك ئالقىش ياڭراتماقتا. چۈنكى ئۇلار ئۆز كۆزلىرى بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ سىئونغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرىدۇ. ئەي يېرۇسالېمنىڭ خارابىلىرى، سىلەر ھەممىڭلار خۇشاللىق ئىچىدە تەنتەنە قىلىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە تەسەللى بېرىدۇ، يېرۇسالېمنى قوغدايدۇ. پەرۋەردىگار پۈتكۈل ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا، ئۆزىنىڭ مۇقەددەس، قۇدرەتلىك قولىنى كۆرسىتىدۇ. يەر يۈزىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە ھەممە ئادەم خۇدايىمىزنىڭ نىجاتلىقىنى كۆرەلەيدۇ. كېتىڭلار، كېتىڭلار، بابىلدىن چىقىپ كېتىڭلار! ناپاك نەرسىلەرگە تېگىپ كەتمەڭلەر، ئەي پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس بۇيۇملىرىنى كۆتۈرىدىغانلار، ئۆزۈڭلارنى پاكلاپ، ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىڭلار، سىلەر ئۇ يەردىن ئالدىرىماي چىقساڭلارمۇ بولىدۇ، قېچىپ چىقىش تېخىمۇ ھاجەتسىز. چۈنكى پەرۋەردىگار ئالدىڭلاردا يول باشلاپ ماڭماقتا، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سىلەرنىڭ ئارقا تېرىكىڭلاردۇر. قاراڭلار، مېنىڭ خىزمەتكارىم ھامان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ، ئۇ ھۆرمەتلىنىدۇ، ئىززەتلىنىدۇ ۋە ئابرۇيغا ئىگە بولىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى كۆرۈپ ھەيرەتتە قالىدۇ، تېنى قاتتىق زەخىملەندۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ سىياقى ئادەم زاتىغا ئوخشىماي قالغانىدى. مانا ئەمدى ئۇ نۇرغۇن ئەللەرنى ھەيرەتتە قالدۇرىدۇ ، ئۇنى كۆرگەن پادىشاھلارمۇ ئاغزىنى ئېچىپلا قالىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئەزەلدىن خەۋەردار بولۇپ باقمىغان ئىشلارنى كۆرىدۇ، ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ئىشلارنى بىلىدۇ. بىز يەتكۈزگەن بۇ سۆزلەرگە كىم ئىشىنىدۇ؟ پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى كىمگە ئايان بولدى؟ پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى خۇددى يېڭى ئۈنۈپ چىققان ئاجىز مايسىدەك، خۇددى قۇرغاق تۇپراقتا يېتىلگەن يىلتىزدەك، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۆسۈپ يېتىلدى. ئۇنىڭ بىزنى ئۆزىگە جەلپ قىلغۇدەك سالاپەتلىك تۇرقى، بىز ھەۋەس قىلغۇدەك گۈزەل سىياقىمۇ يوق. ئۇ كەمسىتىلدى، كىشىلەر تەرىپىدىن رەت قىلىندى، ئۇ ئازاب-ئوقۇبەت ۋە جەبىر-جاپانى يەتكۈچە تارتتى. كىشىلەر ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، نەپرەتلەندى، ئۇنى بىزمۇ ئادەم قاتارىدا كۆرمىگەنىدۇق. ھالبۇكى، ئۇ بىز تارتىشقا تېگىشلىك جەبىر-جاپالارنى، بىزنىڭ قايغۇلىرىمىزنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. لېكىن بىز بولساق «ئۇنى خۇدا جازالىدى، ئۇنى خۇدا ئۇردى، خۇدا ئۇنىڭغا شۇنداق جەبىرلەرنى سالدى» دەپ ئويلىدۇق. لېكىن ئۇ بىزنىڭ ئىتائەتسىزلىكىمىز تۈپەيلىدىن يارىلاندى، بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز سەۋەبىدىن ئېزىلدى. ئۇنىڭ جازالىنىشى بىلەن بىز تىنچلىققا ئېرىشتۇق، ئۇنىڭ يارىلانغان تېنى بەدىلىگە بىز شىپالىق تاپتۇق. ھەممىمىز خۇددى يولدىن ئازغان قويلارغا ئوخشاش، ھەربىرىمىز ئۆزىمىز بىلگەن يوللارغا كەتتۇق. لېكىن پەرۋەردىگار ھەممىمىزنىڭ گۇناھلىرىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈكلىدى. ئۇ زۇلۇمغا ئۇچرىدى، ئازاب-ئوقۇبەت چەكتى، لېكىن ئۇ ھېچقانداق زۇۋان سۈرمىدى. ئۇ خۇددى بوغۇزلاشقا ئېلىپ مېڭىلغان قوزىدەك، خۇددى يۇڭ قىرقۇغۇچىنىڭ ئالدىدا ياتقان قويدەك، ھېچقانداق زۇۋان سۈرمىدى. ئۇ ناھەق تۇتۇپ كېتىلىپ، ھۆكۈم قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى، ئۇنىڭ تەقدىرى توغرۇلۇق ھېچكىم پەرۋا قىلمىدى. ئۇ خەلقىمىزنىڭ قىلغان ئىتائەتسىزلىكلىرى تۈپەيلىدىن بۇ دۇنيادىن يوقىتىلدى. گەرچە ئۇ ھېچقانداق يامانلىق قىلمىغان بولسىمۇ، ھېچقاچان ھىيلە-مىكىرلىك ئىشلارنى قىلمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا جىنايەتچىلەر قاتارىدىن قەبرە بېرىلگەنىدى، لېكىن ئۇ ئۆلگەندە، بايلار قاتارىغا قويۇلدى. ھالبۇكى ئۇنىڭ ئېزىلىشى، ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئىدى، ئۇنىڭ ھاياتى ئىنسانلارنىڭ گۇناھى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆز ئەۋلادلىرىنى كۆرىدۇ ھەمدە ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئاشۇ خىزمەتكارى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. ئۇ ھامان ئۆزى چەككەن جەبىر-جاپالارنىڭ مېۋىسىنى كۆرۈپ مەمنۇن بولىدۇ. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ھەققانىي خىزمەتكارىمنىڭ چەككەن جەبىر-جاپالىرى ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان ئادەملەر ‹ھەققانىي ئادەم› دەپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئۇلارنىڭ گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. مەن ئۇنىڭغا ئۇلۇغلار قاتارىدىن ئورۇن بېرىمەن، ئۇ كۈچلۈكلەر بىلەن ئولجىنى تەڭ بۆلۈشىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆز ھاياتىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىپ، گۇناھكارلار قاتارىدا سانالدى. ئۇ نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنىڭ گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، ئۇلار ئۈچۈن خۇداغا مۇراجىئەت قىلىدۇ.» پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي بالا تۇغمىغان، پەرزەنتسىز ئايال! تەنتەنە قىلغىن، ئەي تولغاق ئازابىنى كۆرمىگەن ئايال! شادلىق ناخشاڭنى ياڭراتقىن، چۈنكى تاشلاپ كېتىلگەن ئايالنىڭ بالىلىرى، ئېرى بار ئايالنىڭ بالىلىرىدىن كۆپ بولىدۇ. چېدىرلىرىڭنىڭ ئورنىنى كېڭەيتكىن، چېدىرىڭنىڭ رەختلىرىنى چوڭ يايغىن، ھېچ نەرسىنى ئايىمىغىن، ئارقانلارنى ئۇزۇن قىلىپ، قوزۇقلارنى چىڭ قاققىن. چۈنكى سەن ھەر تەرەپكە كېڭىيىسەن، ئەۋلادلىرىڭ ئەللەرنى زېمىنىدىن ھەيدەپ چىقىرىدۇ. تاشلاپ كەتكەن شەھەرلەرنى ئۇلار ئاۋات قىلىدۇ. قورقمىغىن، چۈنكى سەن ئەمدى ئۇياتقا قالمايسەن، خىجىل بولما، چۈنكى سەن ئەمدى شەرمەندە بولمايسەن. سەن ياش ۋاقتىڭدىكى نومۇسلۇق ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتىسەن، تۇل ئولتۇرغان ۋاقىتلىرىڭدىكى شەرمەندىچىلىكلەرنى قايتا ئەسلىمەيسەن. چۈنكى مەن سېنىڭ ياراتقۇچۇڭ، سېنىڭ ئېرىڭدۇرمەن، مېنىڭ نامىم: ‹قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار›دۇر. مەن ئىسرائىل خەلقىنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا سېنىڭ قوغدىغۇچىڭدۇرمەن. مەن ‹پۈتكۈل يەر يۈزىنىڭ خۇداسى› دەپ ئاتىلىمەن. سەن خۇددى ئېرى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلىپ ئازابلانغان ئايالغا ئوخشايسەن، سەن خۇددى ياش ۋاقتىڭدىلا تاشلىۋېتىلگەن ئايالغا ئوخشايسەن، مەن پەرۋەردىگارىڭ سېنى چاقىرتىپ كېلىمەن. مانا بۇ مەن خۇدايىڭنىڭ سۆزلىرىدۇر. مەن سېنى قىسقا ۋاقىت تاشلىۋەتتىم، لېكىن مەن قاتتىق ھېسداشلىقىم بىلەن سېنى قايتۇرۇپ كېلىمەن، مەن بىر مەزگىل قاتتىق غەزەپكە كېلىپ سەندىن يۈز ئۆرۈگەنىدىم. مەن ئەمدى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىم بىلەن ساڭا ھېسداشلىق قىلىمەن. مانا بۇ، سېنى قوغدايدىغان، مەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر. خۇددى نۇھ پەيغەمبەر دەۋرىدە توپان بالاسىنىڭ يەر-زېمىننى قايتا غەرق قىلمايدىغانلىقىغا قەسەم قىلغىنىمدەك، ساڭىمۇ ھېچقاچان غەزىپىمنى ياغدۇرمايمەن، سېنى جازالىمايدىغانلىقىمغا قەسەم قىلىمەن، تاغلار ئورنىدىن قوزغىلىپ كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ، دۆڭلەر تۈزلىنىپ كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ، لېكىن مېنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىم سەندىن ئايرىلمايدۇ، مېنىڭ تىنچلىق ئەھدەم ئۆزگەرمەيدۇ. مانا بۇ، ساڭا ھېسداشلىق قىلغۇچى مەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر. ئەي، ئازاب-ئوقۇبەت تارتقان، بوران-چاپقۇنلاردا قالغان، تەسەللى تاپمىغان شەھەر يېرۇسالېم، مەن سېنىڭ ئۇلۇڭنى ئېسىل رەڭلىك تاشلاردا قوپۇرۇپ چىقىمەن، مەن سېنى كۆك ياقۇتلاردىن قۇرۇپ چىقىمەن. سېنىڭ راۋاقلىرىڭنى قىزىل ياقۇتلاردىن ياساپ چىقىمەن، شەھەر دەرۋازىلىرىڭنى گۆھەرلەردىن ياسايمەن، شەھەر سېپىللىرىڭنى پارقىراق ئېسىل تاشلاردىن قوپۇرۇپ چىقىمەن. بالىلىرىڭنىڭ ھەممىسىگە مەن پەرۋەردىگار ئۆزۈم تەربىيە بېرىمەن. ئۇلار تىنچ-ئامان ھايات كەچۈرىدۇ. سەن ھەققانىيلىق بىلەن قۇرۇلغان بولىسەن، ئەمدى ھېچكىم ساڭا زۇلۇم سالالمايدۇ، قورقۇپ ئەندىكىپمۇ يۈرمەيسەن، چۈنكى ئەمدى ۋەھىمە ساڭا يېقىنلىشالمايدۇ. ئەگەر بىراۋ ساڭا ھۇجۇم قىلماقچى بولسا، بىلگىنكى ئۇ ھەرگىزمۇ مېنىڭ ئىرادەم ئەمەس، ساڭا ھۇجۇم قىلغانلارنى چوقۇم مەغلۇپ قىلىسەن. قارا، چوغنى يالقۇنلىتىپ، قورال-ياراغ ياسايدىغان تۆمۈرچىنى مەن ياراتتىم. ۋەيران قىلغۇچىنىمۇ مەن ياراتتىم. ساڭا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ياسالغان ھەرقانداق قورال غەلىبە قىلالمايدۇ، سەن بىلەن دەۋالاشماقچى بولغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ دەۋاسىنى سەن يوققا چىقىرالايسەن. بۇنداق تەلەي مەن پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارلىرىغا تەئەللۇقتۇر. مەن ئۇلارغا غەلىبە ئاتا قىلىمەن.» مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «كېلىڭلار، ئەي چاڭقىغانلار، سۇ ئىچىۋېلىڭلار، كېلىڭلار، ئەي يوقسۇللار، نەرسە ئېلىپ يەڭلەر، مەيلى شاراب ئېلىڭلار ياكى سۈت ئېلىڭلار، ھېچقانداق ھەق تۆلىمەيسىلەر، ھەممىسى ھەقسىزدۇر. نېمە ئۈچۈن قۇۋۋەتسىز يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالىسىلەر؟ نېمە ئۈچۈن جاپا-مۇشەققەتتە تاپقان پۇلۇڭلارنى سىلەرنى قانائەتلەندۈرەلمەيدىغان نەرسىلەرگە ئورۇنسىز سەرپ قىلىسىلەر؟ سىلەر سۆزۈمگە دىققەت بىلەن قۇلاق سېلىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار ياخشى يېمەكلىكلەرنى يېگەن بولىسىلەر، كۆڭلۈڭلەر توق تۇرىدۇ. گېپىمگە قۇلاق سېلىپ، يېنىمغا كېلىڭلار، ئاڭلاڭلار، شۇنداق قىلغاندىلا ھەقىقىي ھاياتلىققا ئىگە بولىسىلەر. مەن سىلەر بىلەن مەڭگۈلۈك ئەھدە تۈزىمەن، مەن داۋۇتقا ئاتا قىلغان مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىمنى سىلەرگىمۇ ئاتا قىلىمەن. بەرھەق، مەن داۋۇتنى ئەللەرنىڭ ئالدىدا ھۆكۈمران ۋە يېتەكچى سەردار قىلىپ، ئۇ ئارقىلىق كۈچ-قۇدرىتىمنى نۇرغۇن ئەللەرگە نامايان قىلدىم. سىلەر ئۆزۈڭلار تونۇمايدىغان ئەللەرنى چاقىرىسىلەر، سىلەرنى تونۇمايدىغان ئەللەر قېشىڭلارغا يۈگۈرۈپ كېلىدۇ، چۈنكى مەن، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا، سىلەرگە شان-شەرەپ ئاتا قىلىمەن.» پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ پەرۋەردىگارنى ئىزدىگىن، ئۇ يېنىڭدىكى ۋاقتىدا پۇرسەتنى تۇتۇپ ئۇنىڭغا يېلىنغىن. رەزىل ئادەملەر رەزىللىك قىلىشتىن توختىسۇن، گۇناھكار ئادەملەر يامان نىيەتلىرىدىن يانسۇن، ئۇلار پەرۋەردىگارىمىزنىڭ يولىغا قايتسۇن، پەرۋەردىگار ئۇلارغا رەھىمدىللىك كۆرسىتىدۇ. ئۇلار خۇدانىڭ يولىغا قايتسۇن، ئەپۇچان خۇدايىمىز ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرىدۇ. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ ئوي-پىكرىڭلار مېنىڭ ئوي-پىكرىم ئەمەس، سىلەرنىڭ يولۇڭلار مېنىڭ يولۇم ئەمەس. ئاسمان يەردىن شۇنچە يۇقىرى بولغىنىدەك، مېنىڭ يولۇممۇ، مېنىڭ ئوي-پىكىرلىرىممۇ، سىلەرنىڭكىدىن شۇنچە يۇقىرىدۇر. قار-يامغۇر ئاسماندىن ياغىدۇ، لېكىن ئۇ ھەرگىزمۇ ئاسمانغا قايتىپ كەتمەيدۇ، بەلكى يەر-زېمىننى سۇغىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يەر-زېمىندىكى ئۆسۈملۈكلەر ئۆسۈپ يېتىلىدۇ، تېرىيدىغانلارغا ئۇرۇق بولىدۇ، يەيدىغانلارغا ئاشلىق بولىدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، مېنىڭ ئاغزىمدىن چىققان سۆزمۇ ھەرگىز بىكاردىن-بىكار قايتىپ كەتمەيدۇ. ئەكسىچە، مېنىڭ ئىرادەم سۆزلىرىم ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ، مېنىڭ بارلىق مەقسەتلىرىم شۇ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. سىلەر شاد-خۇراملىق بىلەن يولغا چىقىپ، ئامان-ئېسەنلىك ئىچىدە يېتەكلىنىسىلەر. ئالدىڭلاردىكى تاغ-داۋانلار سىلەر ئۈچۈن تەنتەنە قىلىشىدۇ، دالىلاردىكى دەل-دەرەخلەرمۇ سىلەرگە چاۋاك چالىدۇ. تىكەنلىكلەر ئورنىغا كىپارىسلار ئۆسۈپ چىقىدۇ، ئوغرى تىكەنلەر ئورنىغا قارىغاي دەرەخلىرى ئۈنۈپ چىقىدۇ. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا مەڭگۈ شان-شەرەپ كەلتۈرىدىغان بەلگىدۇر.» پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئادالەتنى قوغداڭلار، ھەققانىي ئىشلارنى قىلىڭلار، چۈنكى مېنىڭ نىجاتلىقىم كېلىدۇ، ھەققانىيلىقىم ئايان بولىدۇ. بۇ بۇيرۇقلىرىمنى ئادا قىلىپ، ماڭا بويسۇنىدىغانلار نەقەدەر بەختلىك-ھە، دەم ئېلىش كۈنىنى بۇلغىماي، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ، رەزىل ئىشلاردىن قولىنى تارتقانلار نەقەدەر بەختلىك-ھە! ئۆزىنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلىغان يات خەلقلەر: ‹پەرۋەردىگار مېنى ئۆز خەلقىدىن ئايرىۋېتىدۇ› دېمىسۇن. ئاختا قىلىنغان ئەرلەرمۇ ئۆزىنى: ‹مەن قاقشال دەرەخ› دەپ يۈرمىسۇن.» چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «دەم ئېلىش كۈنۈمگە ئەمەل قىلىدىغان، مېنى خۇرسەن قىلىشنى تاللايدىغان، ئەھدەمگە ئەمەل قىلىدىغان ئاختا قىلىنغان ئەرلەرگە، ئوردامدا، ئۆز ھويلامدا نام-ئاتاق، ئابىدە ئاتا قىلىمەن. بۇ، ئوغۇل-قىزلىرى بولغاندىنمۇ ئەۋزەلدۇر. مەن ئۇلارغا ئاتا قىلغان نام مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، ئۇ ئۈزۈۋېتىلمەيدۇ. يات خەلقلەردىن بولسىمۇ، ئۆزىنى ماڭا بېغىشلىغان، ماڭا خىزمەت قىلىدىغان ۋە مېنى سۆيىدىغانلار، مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم بولىدۇ. ئۇلار دەم ئېلىش كۈنىگە ئەمەل قىلىپ، گۇناھ سادىر قىلمىسا، ئەھدەمگە ئەمەل قىلسا، مەن ئۇلارنى مۇقەددەس تېغىمغا ئەكېلىپ، دۇئا-تىلاۋەت قىلىدىغان ئىبادەتخانامدا خۇشاللىققا چۆمدۈرىمەن. ئۇلارنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە باشقا قۇربانلىقلىرى قۇربانلىق سۇپامدا قوبۇل بولىدۇ، چۈنكى مېنىڭ ئىبادەتخانام، ‹پۈتكۈل خەلقلەرنىڭ ئىبادەتخانىسى› دەپ ئاتىلىدۇ.» چېچىلىپ كەتكەن ئىسرائىللارنى يىغىدىغان ئىگىمىز پەرۋەردىگار دەيدۇكى: «يەنە نۇرغۇن ئادەملەرنى يىغىپ، يىغىلغان ئۆز خەلقىمگە قوشىمەن.» ھەي، دالىدىكى بارلىق ھايۋانلار، ھەي، ئورماندىكى بارچە ھايۋانلار، كېلىپ، خەلقىمنى يەپ تۈگىتىڭلار! ئىسرائىللارنىڭ قاراۋۇللىرى قارىغۇدۇر، ھەممىسى بىلىمسىزدۇر. ئۇلار قاۋاشنى بىلمەيدىغان گاچا ئىتلاردۇر، يېتىۋېلىپ چۈش كۆرىدۇ، ئۇلار ئۇيقۇنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ ئىتلار ئاچ كۆزدۇر، تويۇشنى بىلمەيدۇ. بۇلار ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدىغان پادىچىلار، ھەر كىم ئۆز پايدىسى ئۈچۈن ئۆز يوللىرىغا راۋان بولىدۇ. ئۇلار: «كېلىڭلار، مەن ھاراق ئەكېلەي، قانغۇچە ھاراق ئىچەيلى، ئەتىمۇ بۈگۈنكىگە ئوخشاش بولىدۇ، ھەتتا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ» دەيدۇ. ھەققانىيلار ئۆلۈپ كەتسە، ھېچكىم كۆڭلىگە ئېلىپمۇ قويمايدۇ، تەقۋادارلار ۋاپات بولسا، ھېچكىم پىسەنت قىلمايدۇ، ھەققانىيلار ۋاپات بولسا، بالا-قازادىن قۇتۇلىدۇ. ئۇلار خاتىرجەملىككە ئېرىشىدۇ، دۇرۇس يولدا ماڭغانلار ئۆلگەندىمۇ ئارام ئالىدۇ. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇياققا كېلىڭلار ئەي جادۇگەرنىڭ بالىلىرى، زىناخور ۋە پاھىشەنىڭ ئەۋلادلىرى. خوش، سىلەر كىملەرنىڭ ئۈستىدىن كۈلىۋاتىسىلەر؟ كىملەرگە قارشى ئېغىز ئېچىۋاتىسىلەر؟ كىملەرگە قاراپ تىلىڭلارنى چىقىرىۋاتىسىلەر؟ سىلەر ئاسىينىڭ بالىلىرى ئەمەسمۇ، يالغانچىنىڭ ئۇرۇقىدىن بولغان ئەمەسمۇ؟ سىلەر دۇپ دەرەخلىرى ئارىسىدا، ئارچىلار ئاستىدا بۇزۇقچىلىقىڭلار بىلەن يالغان ئىلاھىڭلارغا چوقۇنىسىلەر، تاغ جىلغىلىرىدا، قىيا تاشلار ئاستىدا ئۆز بالىلىرىڭلارنى قۇربانلىق قىلىسىلەر. سىلەر جىلغىدىكى سىلىق تاشلارنى بۇت بىلىپ تېۋىنىسىلەر، ئۇلار سىلەرنىڭ ئىنتىلگەن نېسىۋەڭلاردۇر. سىلەر ئۇلارغا ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى قۇيىسىلەر، ئۇلارغا ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى تەقدىم قىلىسىلەر. خوش، بۇ ئىشلار مېنى رازى قىلارمۇ؟ سىلەر ئېگىز تاغدا بۇزۇقچىلىق قىلىپ، ئۇ يەردە بۇتلىرىڭلارغا قۇربانلىقلارنى تەقدىم قىلىسىلەر. سىلەر ئىشىكىڭلارنىڭ ئارقىسىغا، ئىشىك كېشىكىڭلارغا يىرگىنچلىك بەلگىلىرىڭلارنى قويدىڭلار. سىلەر يۈز ئۆرۈپ، يالىڭاچلىنىپ، سالغان ئورنىڭلارغا كىرىپ، پاھىشىلار بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىسىلەر. ئۆزۈڭلەرنى بۇتلارغا بېغىشلىدىڭلار. ئۇلارنىڭ كارىۋىتىغا كۆڭلۈڭلەر چۈشۈپ، يالىڭاچ تېنىدىن كۆز ئۈزمىدىڭلار. سىلەر نۇرغۇن ئەتىر ۋە زەيتۇن مېيىنى ئېلىپ، مولەك ئىلاھىنىڭ ئىبادەتخانىسىغا باردىڭلار، سىلەر: ‹باشقا ئىلاھلارنى تاپايلى› دەپ، يىراقلارغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتتىڭلار، مۇمكىن بولسا ئۇلار ھەتتا باقىي دۇنياغىمۇ باراتتى. كۆپلىگەن ئىزدىنىشىڭلاردىن ھېرىپ-چارچىدىڭلار، ئەمما سىلەر بۇنى بىھۇدە ھېس قىلمىدىڭلار، ‹يېڭى كۈچنى تاپقىلى بولىدۇ› دەپ، ھېچ چارچاش ھېس قىلمىدىڭلار. كىمدىن شۇنچە قورقۇپ، ماڭا يالغان سۆزلەيدىغان بولدۇڭلار؟ مېنى ئۇنتۇدىڭلار، مېنى خىيالىڭلارغىمۇ كەلتۈرمىدىڭلار. مەن ئۇزاقتىن بېرى سۈكۈت قىلغانلىقىم ئۈچۈن، مەندىن قورقمايدىغان بولدۇڭلار! سىلەر ئۆزۈڭلارچە توغرا دەپ بىلگەن ئاشۇ ھەققانىيلىقىڭلارنى ۋە قىلغان ئىشلىرىڭلارنى ئېچىپ تاشلايمەن. ئۇلار سىلەرگە قىلچە پايدا كەلتۈرمەيدۇ. ياردەم سوراپ پەرياد قىلغىنىڭلاردا، ئاشۇ بۇتلىرىڭلار سىلەرنى قۇتقۇزسۇن! شاماللار ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى سۈپۈرۈپ كېتىدۇ، بىر نەپەستىلا ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ. لېكىن ماڭا تايانغانلار چوقۇم زېمىنغا ئىگە بولىدۇ، مۇقەددەس تېغىمغا ۋارىسلىق قىلىدۇ». پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «يول ياساڭلار، ئۇنى قۇرۇپ، تەييارلاڭلار، خەلقىمنىڭ يولىدىكى ھەرقانداق توسالغۇنى ئېلىۋېتىڭلار! ئەڭ ئۇلۇغ، يۈكسەك، مەڭگۈ مەۋجۇت، نامى مۇقەددەس بولغۇچى مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: مەن ئەڭ بۈيۈك، ئەڭ مۇقەددەس جايدا تۇرىمەن، ۋاھالەنكى، چىن قەلبىدىن توۋا قىلغان كىچىك پېئىللار بىلەن بىللە بولىمەن، كىچىك پېئىللارنىڭ روھىنى ئويغىتىمەن، توۋا قىلغانلارنىڭ قەلبىنى يېڭىلايمەن. مەن داۋاملىق ئەيىبلەپ، مەڭگۈ غەزەپلىنىپ يۈرمەيمەن، شۇنداق قىلغان بولسام، مەن جان ئاتا قىلىپ ياراتقان ئىنسانلار ئالدىمدا روھسىزلىنىپ كېتەتتى. مەن ئىنساننىڭ ئاچكۆزلۈكى سەۋەبىدىن غەزىپىم كېلىپ، ئۇنىڭغا زەربە بېرىمەن، يۈزۈمنى ئۆرۈپ غەزەپلىنىمەن. ئەمما ئۇ يەنىلا ئۆزى بىلگەن يامان يولىدا مېڭىۋېرىدۇ. مەن ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرىمەن، لېكىن مەن ئۇلارنى ساقايتىپ، ئۇلارغا يول كۆرسىتىمەن، ھازا تۇتقان كىشىلەرگە تەسەللى بېرىمەن. شۇنداق قىلسام، ئۇلارنىڭ لەۋلىرىدىن مەدھىيەلەر چىقىدۇ. مەن يىراق-يېقىندىكىلەرگە خاتىرجەملىك ئاتا قىلىمەن، مەن ئۇلارنى ساقايتىمەن! لېكىن، رەزىللەر خۇددى چايقىلىۋاتقان دېڭىزدەك تىنچىمايدۇ. تىنچىماي چايقىلىۋاتقان سۇلاردىن پاسكىنا نەرسىلەر ۋە لاتقىلار ئېتىلىپ چىقىدۇ. مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەن: رەزىللەر خاتىرجەملىككە ئېرىشەلمەيدۇ!» پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «يۇقىرى ئاۋازدا سۈرەن سال، توختاپ قالما، ئاۋازىڭ ياڭراق بولسۇن، خۇددى بۇرغا چالغاندەك، خەلقىمگە ئۆزىنىڭ ئىتائەتسىزلىكلىرىنى كۆرسەت. ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى بايان قىل. ئۇلار ھەر كۈنى مەندىن ئۆتۈنىدۇ، ‹سېنىڭ ئەمرلىرىڭنى ئۆگىنىمىز!› دەيدۇ. خۇددى توغرا يولدا ماڭغان خەلقتەك، مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىمدىن ئايرىلىپ باقمىغاندەك، ئۇلار مەندىن ئادالەتنىڭ ھۆكۈمىنى سورايدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنى ماڭا يېقىنلىشىشنى خالايدىغاندەك كۆرسىتىدۇ. ئۇلار ماڭا: ‹سەن بىزنىڭ روزا تۇتقىنىمىزنى نېمىشقا كۆرمەيسەن؟ بىز تاماق يېمەي جاپا چەكسەك، نېمىشقا پەرۋا قىلمايسەن؟› دەپ سورايدۇ. قاراڭلار، سىلەر روزا تۇتقان ۋاقتىڭلاردىمۇ يەنىلا شەخسىي مەنپەئەتىڭلارنى ئويلايسىلەر، سىلەر ئۈچۈن جاپالىق ئىشلىگەن كىشىلەرنى ئېزىسىلەر. قاراڭلار، سىلەر روزا تۇتتىڭلار، لېكىن روزا تۇتۇپ تۇرۇپ، يەنىلا جەڭگى-جېدەل قىلىپ، قەبىھلىك بىلەن ئادەم ئۇرىسىلەر. سىلەرنىڭ بۇنداق روزا تۇتۇشىڭلار ئاۋازىڭلارنىڭ ئەرشكە يېتىپ بېرىشىغا مۇمكىنچىلىك بېرەمدۇ؟ مەن مۇشۇنداق روزا تۇتۇشىڭلارنى تەلەپ قىلغانمۇ؟ مەن سىلەرنىڭ تاماق يېمەي جاپا چېكىشىڭلارنىلا تەلەپ قىلغانمۇ؟ ئەجەبا مەن ئادەملەرنى قومۇشلاردەك باش ئېگىپ، كاناپتىن تىكىلگەن ماتەملىك كىيىم كىيىپ، كۈلنىڭ ئۈستىدە يېتىڭلار دېدىممۇ؟ سىلەر بۇنى روزا تۇتۇش دەپ ئويلامسىلەر؟ مەن پەرۋەردىگار بۇنىڭدىن خۇرسەن بولامدىمەن؟ مېنى خۇرسەن قىلىدىغان روزا، رەزىللىكنىڭ ئارغامچىسىنى بوشىتىش بولماستىن، ئېزىلگەنلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈپ، بويۇنتۇرۇقنىڭ تانىسىنى يېشىپ تاشلاش، بارلىق بويۇنتۇرۇقلارنى چېقىپ تاشلاش ئەمەسمىدى؟ يېمەكلىكلىرىڭلارنى ئاچلارغا بۆلۈپ بېرىش، سەرگەردانلارنى ئۆيۈڭلەردە قوندۇرۇش، يالىڭاچلارغا كىيىم كىيىدۈرۈش ئەمەسمىدى؟ تۇغقانلىرىڭلاردىن يۈز ئۆرۈمەي، بەلكى ئۇلارغا ياردەم بېرىش ئەمەسمىدى؟ شۇنداق قىلساڭلار، تاڭ نۇرى سىلەرنى يورۇتۇپ، تېزلىكتە شىپالىق تاپاتتىڭلار. ھەققانىيلىقىڭلار ئۆز ھەمراھىڭلار بولۇپ، سىلەرنى يېتەكلەپ ماڭغان بولاتتى، پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى سىلەرنىڭ ئارقا تىرىكىڭلار بولاتتى. شۇ چاغدا سىلەرنىڭ ئىلتىجالىرىڭلارغا پەرۋەردىگار جاۋاب بېرەتتى، سىلەر ئىلتىجا قىلساڭلارلا ئۇ: ‹مەن بۇ يەردە› دەيتتى. ئاراڭلاردىكى ئېغىر بويۇنتۇرۇقنى، دېۋەيلەيدىغان قوللارنى ۋە تۆھمەتلەرنى ئېلىپ تاشلىساڭلار، ئاچلارغا شاپائەت كۆرسەتسەڭلار، جاپا-مۇشەققەتتىكى ئادەملەرگە ياردەم قىلساڭلار، قاراڭغۇلۇقنى يورۇتىدىغان نۇر بولىسىلەر، تۈنلىرىڭلار چىڭقى چۈشتەك بولىدۇ. ھەر دائىم مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە يول كۆرسىتىمەن، قاقاس يەرلەردىمۇ ئېھتىياجىڭلارنى قاندۇرىمەن ھەم ئۇستىخىنىڭلارنى مەزمۇت قىلىمەن. سىلەر خۇددى سۇغۇرۇلغان بىر باغ، ھەم سۈيى تۈگىمەس بىر بۇلاقتەك بولىسىلەر. خەلقىڭلاردىن ئادەملەر چىقىپ، كونا خارابىلىكىڭلارنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىدۇ، بۇرۇنقى ئۇللارنىڭ ئۈستىگە ئۆيلەرنى سالىدۇ. سىلەر ‹سېپىللارنى رېمونت قىلغۇچى› ۋە ‹مەھەللىلەرنى ياسىغۇچى› دەپ ئاتىلىسىلەر. سىلەر دەم ئېلىش كۈنىنى ئاياغ ئاستى قىلماڭلار، مېنىڭ مۇقەددەس كۈنۈمدە ئۆز ئىشلىرىڭلار بىلەن بەند بولماڭلار. دەم ئېلىش كۈنىنى، ‹بىر خۇشاللىق كۈن› دەپ بىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس كۈنىنى قەدىرلىشىڭلار كېرەك. ئۆزۈڭلار خالىغانچە ئىش قىلماڭلار، ئۆز ئىشلىرىڭلار بىلەن بەند بولماڭلار قۇرۇق پاراڭ سالماڭلار، بۇ كۈننى ھۆرمەتلىشىڭلار كېرەك. شۇنداق قىلساڭلار مەندىن خۇشاللىق تاپىسىلەر. مەن پەرۋەردىگار سىلەرنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مول بەرىكەتلەر ئاتا قىلىمەن، ھەم سىلەرنى ئەجدادىڭلار ياقۇپنىڭ مۈلۈكىدىن بەھرىمەن قىلىمەن.» بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى ئېيتقان سۆزلىرىدۇر! قارا، پەرۋەردىگارنىڭ قولى قۇتقۇزالمىغۇدەك قىسقا ئەمەس، قۇلىقى ئاڭلىيالمىغۇدەك گاس ئەمەس. لېكىن گۇناھلىرىڭلار سىلەرنى خۇدا بىلەن ئايرىپ تۇرۇۋاتىدۇ، گۇناھلىرىڭلار تۈپەيلىدىن خۇدا سىلەردىن يۈز ئۆرۈدى، ئۇ سىلەرنىڭ ئىلتىجالىرىڭلارنى ئاڭلىمايدۇ. قوللىرىڭلار قان بىلەن، بارماقلىرىڭلار جىنايەت بىلەن بۇلغانغاندۇر. ئاغزىڭلار يالغانچىلىققا تولغان بولۇپ، تىلىڭلاردىن رەزىل سۆزلەرلا چىقىدۇ. ھېچكىم دۇرۇس نىيەت بىلەن ئەرز قىلمايدۇ، ھەم ھېچكىم سەمىمىيەت بىلەن ئاقلىمايدۇ، ئەكسىچە ئويدۇرمىغا تايىنىپ، يالغان سۆزلەيدۇ، يامانلىققا ھامىلىدار بولۇپ، گۇناھ تۇغىدۇ. ئۇلار زەھەرلىك يىلاننىڭ تۇخۇمىنى تۇغىدۇ، ئۆمۈچۈك تورىنى توقۇيدۇ. بۇ تۇخۇمنى يېگەنلەر چوقۇم ھالاك بولىدۇ، تۇخۇم يېرىلسا يىلان چىقىدۇ. توقۇغان تورلىرى كىيىم بولۇشقا يارىمايدۇ، توقۇلغان نەرسىلەر ھېچكىمنىڭ ئۈستىنى ياپالمايدۇ. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى رەزىللىكتۇر، قىلغان ئىشلىرى زوراۋانلىقتۇر. ئۇلارنىڭ پۇتلىرى رەزىللىككە تېز يۈگۈرەيدۇ، بىگۇناھلارنىڭ قانلىرىنى تېز ئاققۇزىدۇ. ئۇلارنىڭ خىياللىرى رەزىللىككە تولغان بولۇپ، قەيەرگىلا بارسا ھالاكەت ۋە ۋەيرانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇلار تىنچلىق يولىنى بىلمەيدۇ، قىلغان ئىشلىرى ئادالەتسىزلىكتۇر. ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەگرى يول ياسايدۇ، بۇ يولدا ماڭغانلارنىڭ ھەممىسى تىنچلىقنى بىلمەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئادالەت خەلقىمىزدىن بەك يىراقتىدۇر، ھەققانىيەت بىزنى قوغلاپ يېتىشەلمەيدۇ. بىز نۇرغا موھتاجمىز، بىراق پەقەت قاراڭغۇلۇق مەۋجۇتتۇر. بىز نۇرغا تەلپۈنىمىز، بىراق قاراڭغۇلۇقتا ياشايمىز. بىز خۇددى قارىغۇلاردەك تامنى سىلايمىز، خۇددى ئەما ئادەمدەك ئەتراپىمىزنى ئىزدەيمىز. چۈش ۋاقتىدىمۇ پۇتلىشىمىز خۇددى شام ۋاقتىدىكىدەك، كۈچتۈڭگۈرلەر ئارىسىدا بىز خۇددى ئۆلۈك ئادەمگە ئوخشايمىز. بىز ھەممىمىز خۇددى ئېيىقتەك ھۆركىرەپ، كەپتەردەك بۇقۇلداپ، ئادالەتنى ئىستەيمىز، لېكىن ئېرىشەلمەيمىز، نىجاتلىقنى ئىستەيمىز، لېكىن ئۇ يىراقتىدۇر. ئالدىڭدا ئۆتكۈزگەن ئىتائەتسىزلىكىمىز كۆپەيمەكتە، گۇناھلىرىمىز گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۈستىمىزدىن شىكايەت قىلماقتا، بىز ئاسىيلىق بىلەن بىرگىمىز. گۇناھلىرىمىزنى ھەممىمىز بىلىمىز: ئۇ بولسىمۇ پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىش، ئۇنى ئىنكار قىلىشتۇر، خۇدايىمىزغا ئەگەشمەيمىز، ئاغزىمىز زۇلۇم سېلىشنى ۋە ئاسىيلىقنى سۆزلەيدۇ، كۆڭۈلدىكى يالغانچىلىقلار خالىغانچە چىقىدۇ. ئادالەت چېكىندى، ھەققانىيەت يىراقتا، سەمىمىيەت مەيداندا يىقىلىپ چۈشكەن، ئادىللىق كېلەلمەيدۇ. سەمىمىيەت ئازلىغان، ئۆزىنى رەزىللىكتىن يىراق قىلغان ئادەم باشقىلارنىڭ ئولجىسىغا ئايلىنىدۇ. پەرۋەردىگار بۇلارنى كۆرۈپ، خۇشال بولمايدۇ، چۈنكى ئادالەت يوقتۇر. پەرۋەردىگار ئادالەت ئۈچۈن ئۆتۈنىدىغان ئادەمنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ، ھەيران قالىدۇ، شۇڭا ئۇ ئۆزى كېلىپ، ئۆز قولى بىلەن ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ، ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى ئۇلارنى قۇتقۇزۇشقا تۈرتكە بولىدۇ. ئۇ ھەققانىيلىقنى ساۋۇت، قۇتقۇزۇش قۇدرىتىنى دۇبۇلغا، قىساسنى كىيىم، قىزغىنلىقنى تون قىلىپ كىيىدۇ. ئۇ ھەر كىمنىڭ قىلمىشىغا قاراپ قايتۇرىدۇ، دۈشمەنلىرىگە غەزەپلىنىدۇ، ئۇلارنى جازالايدۇ، يىراق ئارالدىكىلەرگىمۇ قىلمىشىغا يارىشا قايتۇرىدۇ. كۈن چىقىشتىن كۈن پېتىشقىچە بولغان بارلىق ئىنسان پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى ۋە ئۇنىڭ شان-شەرىپىنى ھۆرمەتلىسۇن. پەرۋەردىگار خۇددى ئۆزى قوغلىۋەتكەن دەھشەتلىك دەريا ئېقىنلىرىدەك ئېتىلىپ كېلىدۇ. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بىر قۇتقۇزغۇچى چوقۇم سىئونغا كېلىدۇ، ئۇ ياقۇپ ئەۋلادلىرى ئىچىدىكى گۇناھتىن قول ئۈزگەنلەرگە كېلىدۇ.» پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن بىلەن ئۇلار ئارىسىدا تۈزۈلگەن ئەھدە مۇنداقتۇر: ساڭا ئاتا قىلغان روھىم، ئاغزىڭغا سالغان سۆزلىرىم ئاغزىڭدىن ئايرىلمايدۇ، ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئاغزىدىن ئايرىلمايدۇ، بۈگۈندىن تارتىپ مەڭگۈگە ئايرىلمايدۇ.» بۇ پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر! پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ئەي يېرۇسالېم، ئورنۇڭدىن تۇر، پارلا! چۈنكى سېنىڭ نۇرۇڭ يېتىپ كەلدى! مەن پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى سېنى يورۇتماقتا. قارا، زېمىننى قاراڭغۇلۇق قاپلايدۇ، ئەلنى زۇلمەت باسىدۇ، لېكىن مەن پەرۋەردىگار سېنى يورۇتىمەن، مېنىڭ شان-شەرىپىمنىڭ نۇرى ئۈستۈڭگە چېچىلىدۇ. ئەللەر بۇ نۇرنى كۆرۈپ يېنىڭغا كېلىدۇ، پادىشاھلارمۇ سەن چاچقان نۇرغا قاراپ كېلىدۇ. ئەي يېرۇسالېم، تۆت ئەتراپىڭغا باق، خەلقلەر يېنىڭغا كېلىپ يىغىلىۋاتىدۇ. ئوغۇللىرىڭ يىراقتىن كېلىدۇ، كىچىك قىزلىرىڭمۇ قوللاردا كۆتۈرۈپ كېلىنىدۇ. ئۇ چاغدا كۆزلىرىڭ خۇشاللىقتىن چاقنايدۇ، يۈرىكىڭ شادلىقتىن تېپچەكلەيدۇ، چۈنكى، دېڭىزنىڭ قارشى تەرىپىدىن بايلىقلار ساڭا ئېلىپ كېلىنىدۇ، ئەللەرنىڭ بايلىقى ساڭا تەۋە بولىدۇ. يوللىرىڭغا تۆگە كاراۋانلىرى بېسىپ كېلىدۇ، مىديان ۋە ئېفاھنىڭ ياش تۆگىلىرى زېمىنىڭغا تولۇپ كېتىدۇ، شىبانىڭ ئادەملىرىمۇ كېلىدۇ، ئۇلار ئالتۇن ۋە خۇشبۇي بۇيۇملارنى تارتۇق قىلىپ، مەن پەرۋەردىگارغا مەدھىيەلەرنى ئوقۇيدۇ. قېدارنىڭ قويلىرى يېنىڭغا توپ-توپ بولۇپ يىغىلىدۇ، نىبايوتنىڭ قوچقارلىرى قۇربانلىق قىلىشقا تاپشۇرۇلىدۇ، مېنىڭ قۇربانلىق سۇپامدا قىلغان قۇربانلىقىڭ قوبۇل بولىدۇ، مەن شەرەپلىك ئىبادەتخانامنى چوقۇم شەرەپلىك قىلىمەن. بۇلۇتتەك لەيلەپ كېلىۋاتقان، كەپتەردەك ئۇۋىسىغا قاراپ ئۇچۇپ كېلىۋاتقان كىم؟ ئاراللار ماڭا ئۈمىدىنى باغلاپ، ماڭا ئىنتىزار بولماقتا، ئۇلارنىڭ يىراقتىكى تارشىشتىن كېلىدىغان كاتتا كېمىلىرى باشلامچى بولۇپ، پەرزەنتلىرىڭنى ھەم ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى يىراقتىن ئەكەلمەكتە، ئۇلار شۇنداق قىلىپ، مەن پەرۋەردىگارىڭنى، يەنى ئىسرائىل خەلقىنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدانى ھۆرمەتلەيدۇ، چۈنكى مەن پەرۋەردىگار سېنى شان-شەرەپكە ئېرىشتۈردۈم. يات خەلقلەر شەھەر سېپىللىرىڭنى قايتىدىن ياسايدۇ، ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى ساڭا خىزمەت قىلىدۇ. مەن غەزەپلىنىپ، سېنى جازالىغانىدىم، لېكىن بۈگۈن ساڭا ئىچىم ئاغرىپ، شەپقەت كۆرسەتمەكتىمەن. شەھەر دەرۋازىلىرىڭ دائىم ئوچۇق تۇرىدۇ، كېچە-كۈندۈز تاقالمايدۇ، ھەممە ئەللەرنىڭ بايلىقى ساڭا ئەكېلىپ بېرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىمۇ ھەيدەپ كېلىنىدۇ. ساڭا خىزمەت قىلمىغان پادىشاھلىقلار يوقىلىدۇ، ئۇنداق ئەللەر پۈتۈنلەي ھالاك بولىدۇ. لىۋاننىڭ شان-شەرىپى بولغان قارىغايلار، شەمشادلار، كىپارىسلار ساڭا مەنسۇپ بولۇپ، مۇقەددەس ئىبادەتخانامنى بېزەيدىغانغا ئىشلىتىسەن، مەن دەسسەپ تۇرغان يېرىمنى شان-شەرەپكە تولدۇرىمەن. سېنى ئەزگەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى ساڭا ئېگىلىدۇ، سېنى كەمسىتكەنلەر سېنىڭ پۇتۇڭغا باش قويىدۇ. ئۇلار سېنى «پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرى»، ئىسرائىل خەلقىنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدانىڭ شەھىرى _ «سىئون» دەپ ئاتايدۇ. گەرچە سەن بۇرۇن تاشلىۋېتىلگەن، نەپرەتكە ئۇچرىغان، ھەتتا زېمىنىڭدىن ھېچكىم ئۆتمەيدىغان جاي بولساڭمۇ، لېكىن مەن سېنى مەڭگۈلۈك شان-شۆھرەتكە، ئەۋلادمۇئەۋلاد خۇشاللىققا ئىگە قىلىمەن. پۈتكۈل ئەللەر سەندىن خەۋەر ئالىدۇ، پادىشاھلار سېنى ئانىلاردەك ئېمىتىپ باقىدۇ. شۇندىلا سەن مېنى _ سېنىڭ قۇتقۇزغۇچىڭ بولغان پەرۋەردىگارىڭنى بىلىسەن، سېنىڭ قوغدىغۇچىڭ، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان ھەممىگە قادىر خۇدادۇر. تۇچنىڭ ئورنىغا ئالتۇن، تۆمۈرنىڭ ئورنىغا كۈمۈش، ياغاچنىڭ ئورنىغا تۇچ، تاشنىڭ ئورنىغا تۆمۈر ھەدىيە قىلىمەن. ئامانلىقنى يېتەكچىڭ، ھەققانىيلىقنى نازارەتچىڭ قىلىمەن. زېمىنىڭ ئەمدى قەبىھ ئىشلاردىن خەۋەر تاپمايدۇ، چېگرايىڭ ئىچىدە ئەمدى بۇزغۇنچىلىق ۋە ۋەيرانچىلىق غوۋغالىرى ئاڭلانمايدۇ. تاملىرىڭنى «نىجاتلىق»، دەرۋازىلىرىڭنى «مەدھىيە» دەپ ئاتايسەن. قۇياش كۈندۈزى نۇرۇڭ بولمايدۇ، ئايمۇ سېنى يورۇتمايدۇ، پەقەت مەن پەرۋەردىگارلا سېنىڭ نۇرۇڭ بولىمەن. مەن خۇدا سېنىڭ شان-شەرىپىڭ بولىمەن. سېنىڭ قۇياشىڭ پاتماستۇر، ئېيىڭمۇ يوقالماستۇر. چۈنكى پەرۋەردىگار سېنىڭ مەڭگۈلۈك نۇرۇڭ بولىدۇ، ئازابلىق كۈنلىرىڭ ئاخىرلىشىدۇ. خەلقىڭنىڭ ھەممىسى ھەققانىي بولىدۇ، مەڭگۈلۈك زېمىنغا ئىگە بولىدۇ، ئۇلار مەن تىككەن مايسا، قولۇمنىڭ ھۈنىرى بولۇپ، مېنىڭ شان-شەرىپىمنى نامايان قىلىدۇ. سانى ئازلىرى چوڭ مىللەتكە ئايلىنىدۇ، ئاجىزلىرى كۈچلۈك ئەل بولىدۇ، مەن پەرۋەردىگار ۋاقتى كەلگەندە بۇ ئىشنى تېزلا ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. ئىگەم پەرۋەردىگارنىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا، چۈنكى پەرۋەردىگار مېنى كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە تاللىدى، قەلبى جاراھەتلەنگەنلەرگە شىپاللىق بېرىشكە ئەۋەتتى. تۇتقۇنلارغا: «ئازاد بولىسىلەر!» دەپ جاكارلاشنى، گۇناھقا باغلانغانلارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىشقا ئەۋەتتى. پەرۋەردىگارنىڭ شەپقەت يەتكۈزىدىغان يىلىنى، ۋە خۇدايىمىزنىڭ قىساس ئالىدىغان كۈنىنى جاكارلاپ، ھەسرەتلەنگەنلەرگە تەسەللى بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتتى. سىئوندىكى ماتەم تۇتقانلارنىڭ ھەسرەت كۈلىنىڭ ئورنىغا ھەشەمەتلىك تاجنى، ماتەمنىڭ ئورنىغا خۇشاللىق مېيىنى، مەيۈس روھنىڭ ئورنىغا ھەمدۇسانا تونلىرىنى بېرىدىغانلىقىنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتتى. ئۇلار «ھەققانىيلىق دەرەخلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى پەرۋەردىگار كۆچەت قىلىپ تىككەندۇر. ئۇلار كونا خارابىلەرنى ئوڭشاپ، قاقاسلىشىپ كەتكەن جايلارنى قۇرۇپ چىقىدۇ، بۇرۇندىن ۋەيران قىلىنغان شەھەرلەرنى قايتا ياساپ چىقىدۇ. ئۇ چاغدا ياقا يۇرتلۇقلار قويىڭلارنى باقىدۇ، ياتلار يېرىڭلارنى تېرىيدۇ، ئۈزۈمزارلىقىڭلارنى ياسايدۇ. لېكىن سىلەر «پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيلىرى»، «خۇدايىمىزنىڭ خىزمەتكارلىرى» دەپ ئاتىلىسىلەر. سىلەر ئەللەرنىڭ بايلىقلىرىدىن بەھرىمەن بولىسىلەر، ئۇلارنىڭ بايلىقلىرىدىن خۇشال بولىسىلەر. خورلۇقىڭلار ئورنىغا ئىككى ھەسسە بەختكە ئېرىشىسىلەر، سىلەر بۇرۇن خورلانغانىدىڭلار، ئەمدى ئۈلۈشىڭلاردىن شادلىنىسىلەر. سىلەر زېمىنىڭلاردا ئىككى ھەسسە ئارتۇق مال-مۈلۈككە ئىگە بولىسىلەر، مەڭگۈلۈك خۇشاللىق سىلەرگە مەنسۇپ بولىدۇ. «چۈنكى مەن پەرۋەردىگار ئادالەتنى ياخشى كۆرىمەن، بۇلاڭچىلىقنى ۋە رەزىللىكنى ئۆچ كۆرىمەن، مەن ساداقەتلىك بىلەن خەلقىمگە جاۋاب قايتۇرىمەن، مەن خەلقىم بىلەن مەڭگۈلۈك ئەھدە تۈزىمەن. ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى ھەممە ئەللەر بىلىدىغان بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئەللەرنىڭ ئارىسىدا تونۇلىدۇ، ئۇلارنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگار بەخت ئاتا قىلغان خەلق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.» مەن پەرۋەردىگاردىن ئىنتايىن خۇشاللىنىمەن، يۈرىكىم خۇدادىن خۇشاللىق تاپىدۇ، چۈنكى ئۇ نىجاتلىقنى ماڭا چاپان قىلىپ كىيدۈردى، ھەققانىيلىقنى تون قىلىپ ياپتى. خۇددى تويى بولغان يىگىت بېشىغا روھانىينىڭ ئېسىل باش كىيىمىنى كىيگەندەك، ھەم تويى بولغان قىز زىبۇ-زىننەت تاقىغاندەك خۇشاللىنىمەن. تۇپراق مايسىنى ئۈندۈرگەندەك، باغ تېرىغاننى ئۆستۈرگەندەك، پەرۋەردىگارمۇ ئوخشاشلا، ھەققانىيلىقنى ئۆستۈرىدۇ، بارلىق ئەللەر ئۇنى مەدھىيەلەيدۇ. مەن سىئون ئۈچۈن سۈكۈت قىلالمايمەن، ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى خۇددى نۇردەك چاقنىمىغۇچە، ئۇنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى مەشئەلدەك يانمىغۇچە، يېرۇسالېم ئۈچۈن جىم تۇرالمايمەن. ئەي يېرۇسالېم، ھەممە ئەللەر سېنىڭ ھەققانىيلىقىڭنى، ھەممە پادىشاھلار شان-شەرىپىڭنى كۆرىدۇ. سەن يېڭى نامغا ئىگە بولىسەن، بۇ نامنى پەرۋەردىگار ئۆز ئاغزى بىلەن قويىدۇ. سەن پەرۋەردىگارنىڭ قولىدا ئېسىل تاجغا، خۇدانىڭ ئالىقىنىدا خاننىڭ سەللىسىگە ئايلىنىسەن. سەن ئەمدى «تاشلاندۇق» ئەمەس، يېرىڭمۇ «خارابىلىق» دەپ ئاتالمايدۇ، سەن «مېنىڭ خۇشاللىقىم» دەپ ئاتىلىسەن، يېرىڭ «تۇرمۇشقا چىققان» دەپ ئاتىلىدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگار سەندىن خۇشال بولۇپ، يېرىڭنى ياتلىق قىلىدۇ. ياش يىگىت يېڭى كېلىن بىلەن توي قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياشىغاندەك، سېنىڭ خەلقىڭمۇ يېرىڭدە ياشايدۇ. يېڭى توي قىلغان يىگىت توي قىلغان قىزىدىن قانداق خۇشال بولغان بولسا، سېنىڭ خۇدايىڭمۇ سەندىن شۇنداق خۇشال بولىدۇ. ئەي يېرۇسالېم، مەن سېنىڭ شەھەر سېپىلىڭنىڭ ئۈستىگە قاراۋۇللار قويدۇم. ئۇلار كېچە-كۈندۈز توختىماستىن دۇئا قىلىدۇ. ئەي پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىدىغانلار، ئارام ئالماڭلار، ھەم ئۇنىمۇ ئارام ئالدۇرماڭلار، تاكى ئۇ يېرۇسالېمنى قۇرۇپ بولغۇچە ئارام ئالمىسۇن، يېرۇسالېمنى زېمىندىكى ئىنسانلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر قىلسۇن. پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، قەسەم قىلىپ: «مەن ئەمدى زىرائەتلىرىڭنى دۈشمىنىڭگە ئوزۇقلۇق بولۇشقا بەرمەيمەن، يات خەلقلەرمۇ ئەمدى سېنىڭ جاپا تارتىپ چىقارغان يېڭى شارابلىرىڭنى ئىچەلمەيدۇ. پەقەت ھوسۇل يىغقانلارلا ھوسۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ ھەم پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەيدۇ، ئۈزۈم يىغقۇچىلارلا مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىدا ئۈزۈم شارابىنى ئىچەلەيدۇ.» دەيدۇ. چىقىڭلار! شەھەر دەرۋازىلىرىدىن چىقىڭلار! پۇقرالار ئۈچۈن يول ھازىرلاڭلار! سىلەر ياساڭلار، يول ياساڭلار! تاشلارنى ئېلىپ تاشلاڭلار! خەلق ئۈچۈن تۇغ تىكلەڭلار! مانا ئەمدى، پەرۋەردىگارنىڭ جاكارلىغانلىرى پۈتۈن دۇنياغىچە يېتىپ بارىدۇ: «سىلەر ئەزىز سىئون خەلقىگە مۇنداق دەڭلار: ‹قارا، سېنىڭ قۇتقۇزغۇچىڭ كەلمەكتە، قارا، ئۇ مۇكاپاتى بىلەن كەلمەكتە.› سىلەر ‹مۇقەددەس خەلق›، ‹پەرۋەردىگار قوغدىغان خەلق› دەپ ئاتىلىسىلەر، يېرۇسالېم ‹ئەتىۋارلانغۇچى›، ‹تاشلىۋېتىلمىگەن شەھەر› دەپ ئاتىلىدۇ.» ئىدومدىكى بوزرادىن كېلىۋاتقان، قىزىل بويالغان تون كىيگەن، گۈزەل ياسانغان، چەكسىز قۇدرەتلىك، چوڭ قەدەملەر بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان كىم؟ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن غەلىبەمنى جاكارلايمەن، مەن سىلەرنى قۇتقۇزۇشقا قادىرمەن.» كىيىملىرىڭ نېمىشقا قىزىل بويالغان؟ ئۇلار نېمىشقا شاراب كۆلچىكىدە ئۈزۈم يانجىغۇچىلارنىڭكىگە ئوخشاپ قالدى؟ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن شاراب كۆلچىكىدە ئۆزۈم يالغۇز ئۈزۈم يانجىدىم، ھېچكىم مەن بىلەن بىرگە بولمىدى. مەن غەزەپلىنىپ، دۈشمەنلىرىمنى يانجىدىم، قەھرىم تېشىپ، رەقىبلىرىمنى چەيلىدىم. ئۇلارنىڭ قانلىرى كىيىم-كېچەكلىرىمگە چاچراپ، كىيىملىرىمنىڭ ھەممە يېرىنى بۇلغىدى. چۈنكى قىساس ئالىدىغان كۈن قەلبىمدە ئىدى، ئىنتىقام ئالىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلگەنىدى. قارىسام، ھېچكىم ئۇلارغا ياردەم قىلمىدى، بەكلا ھەيران بولدۇم، چۈنكى ھېچكىم ئۇلارنى يۆلىمىدى. شۇڭا ئۆز بىلىكىم بىلەن ئۇلارنى قۇتقۇزدۇم، قەھرىم ماڭا مەدەت بولدى. غەزىپىم ئىمانسىز خەلقلەرنى چەيلىدى، قەھرىم ئۇلارنى مەست قىلدى، قانلىرى يەرگە تۆكۈلدى.» مەن، پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى بايان قىلىمەن، ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرى ئۈچۈن ئۇنى مەدھىيەلەيمەن. چۈنكى ئۇ بىز ئۈچۈن ئاجايىپ زور ئىشلارنى قىلغان، ئۇ بىز ئىسرائىللار ئۈچۈن شۇنچىلىك كۆپ شاپائەتلىك ئىشلارنى قىلغان. پەرۋەردىگار ئۆز شاپائىتى ۋە مەڭگۈلۈك مۇھەببىتى بىلەن بۇ ئىشلارنى قىلغان. پەرۋەردىگار مۇنداق دېگەن: «پەقەت ئۇلارلا مېنىڭ خەلقىم، مەندىن يۈز ئۆرۈمەيدىغان پەرزەنتلىرىمدۇر». شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولدى. ئۇلار ئازاب چەككەندە، ئۇمۇ ئۇلار بىلەن تەڭ ئازاب چەكتى، ئۆز پەرىشتىسىنى ئۇلارنى قوغداشقا ئەۋەتتى. ئۇ مۇھەببىتى ۋە ئىچ ئاغرىتىشى بىلەن ئۇلارنى قوغدىدى. بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگار ئۇلارنى كۆتۈرۈپ ماڭغانىدى. لېكىن ئۇلار ئاسىيلىق قىلىپ، ئۇنىڭ مۇقەددەس روھىنى ئازابلىدى. شۇڭا ئۇ ئۇلارنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ، ئۇلارغا ئۆزى زەربە بەردى. شۇ چاغدىلا ئۇنىڭ خەلقى مۇسانىڭ ھايات ۋاقىتلىرىنى ئەسلىرىگە ئېلىشتى: «خەلقنى مۇسانىڭ يېتەكچىلىكىدە دېڭىزدىن ئۆتكۈزگەن پەرۋەردىگار قېنى؟ مۇقەددەس روھنى ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتكەن پەرۋەردىگار قېنى؟ قۇدرەتلىك قول مۇسانىڭ ئوڭ يېنىدا ھەرىكەت قىلاتتى، ئۇ خەلقنىڭ ئالدىدىكى دېڭىز سۈيىنى ئىككىگە ئايرىپ، ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك نامىنى قالدۇرغانىدى. ئۇلارنى چوڭقۇر سۇلاردىن باشلاپ ئۆتكۈزگۈچى ھازىر قەيەردە؟ ئۇ چاغدا ئۇلار خۇددى تۈزلەڭلىكتە چاپقان ئاتلاردەك ھېچ پۇتلاشمىغانىدى. كالىلار تىنچ جىلغىدا ئوتلىغاندەك، پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۆز خەلقىگە ئاراملىق بەرگەنىدى، پەرۋەردىگار خەلقىنى باشلاپ، ئۆزىنىڭ نامىغا شان-شەرەپ كەلتۈرگەنىدى.» ئى پەرۋەردىگار، ئەرشتىن بىزگە نەزەر سال! مۇقەددەس، شەرەپلىك ماكانىڭدىن نەزەر سال. سېنىڭ قىزغىنلىقىڭ، ھەممىگە قادىرلىقىڭ نەگە كەتتى؟ سېنىڭ بىزگە ئىچ ئاغرىتىشىڭ ۋە شاپائىتىڭ توختاپ قالدىغۇ؟ گەرچە ئەجدادىمىز ئىبراھىم ۋە ياقۇپ بىزنى ئېتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن سەن يەنىلا بىزنىڭ ئاتىمىزسەن، قەدىمدىن بۇيان «قوغدىغۇچىمىز» ئاتىلىپ كېلىۋاتىسەن. ئى پەرۋەردىگار، سەن نېمىشقا بىزنىڭ يولۇڭدىن ئېزىشىمىزغا يول قويىسەن، قەلبىمىزنى تاش قىلىپ، ساڭا ھۆرمەت قىلمىسۇن دەمسەن؟ ئۆتۈنەي، خىزمەتكارلىرىڭ ئۈچۈن، ئۆزۈڭگە مەنسۇپ بولغان خەلقىڭ ئۈچۈن يېنىمىزغا قايتىپ كەلگەيسەن. سېنىڭ مۇقەددەس خەلقىڭ، مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭغا قىسقا ۋاقىتلا ئىگە بولدى، كېيىن دۈشمەنلىرىمىز كېلىپ، ئۇنى دەپسەندە قىلدى. بىز خۇددى سەن ھېچقاچان باشقۇرمىغان خەلققە، سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتالمىغان خەلققە ئايلىنىپ قالدۇق. ئى پەرۋەردىگار، ئاسماننى يېرىپ، پەسكە چۈشكەيسەن، تاغلار ئالدىڭدا تىترىسۇن! خۇددى قۇرۇق ئوتۇننى ئوتتا كۆيدۈرگەندەك، ئوت سۇنى قايناتقاندەك، سەن پەسكە چۈشسەڭ ئىمانسىز ئەللەرمۇ ئالدىڭدا تىترەيتتى، دۈشمەنلىرىڭمۇ سېنىڭ نامىڭنى بىلەتتى. سەن بىز تەسەۋۋۇر قىلالمىغۇدەك ئاجايىپ ئىشلارنى قىلغانىدىڭ، سەن پەسكە چۈشكەندە، تاغلار ئالدىڭدا تىترەپ كەتكەنىدى. سەندىن باشقا بىر خۇدانىڭ ئۆزىگە ئۈمىد باغلىغان خەلقى ئۈچۈن ئىش قىلغانلىقىنى قەدىمدىن بۇيان ھېچكىم ئاڭلاپ باقمىدى، ئىشتىپ باقمىدى، كۆرۈپمۇ باقمىدى. ئادالىتىڭنى يۈرگۈزۈشنى خۇشاللىق دەپ بىلگەن، يولۇڭنى ئېسىدە ساقلىغان ئادەملەرگە ياردەم بېرىسەن. بىز دائىم گۇناھ قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، سەن غەزەپلەندىڭ، بىز يەنىلا قۇتقۇزۇلىمىزمۇ؟ ھەممىمىز ناپاك ئادەملەرمىز، بىز قىلغان ھەققانىي ئەمەللەرمۇ خۇددى بۇلغانغان كىيىمگە ئوخشايدۇ. بىز خۇددى يوپۇرماقتەك خازان بولىمىز، گۇناھلىرىمىز شامال بولۇپ بىزنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ. ھېچكىم نامىڭنى ئاتاپ، ئۆتۈنمەيدۇ، ساڭا باغلىنىشقا ھېچكىم ئىنتىلمەيدۇ، سەن بىزدىن يۈز ئۆرۈدۈڭ. بىزنى گۇناھلىرىمىزنىڭ ئىسكەنجىسىگە تاشلىدىڭ. لېكىن پەرۋەردىگار، سەن يەنىلا بىزنىڭ ئاتىمىز، بىز لاي، سەن كۇلالچى، بىز سېنىڭ قولۇڭدا ياسالغان. ئى پەرۋەردىگار، بىزگە بۇنچىلىك غەزەپلىنىۋەرمە، گۇناھلىرىمىزنى ئېسىڭدە مەڭگۈ ساقلىۋالمىغىن. قارىغىنە پەرۋەردىگار، بىزگە قارىغىنە، بىز ھەممىمىز سېنىڭ خەلقىڭدۇرمىز. شەھەرلىرىڭ باياۋانغا ئايلاندى، سىئون چۆللەشتى، يېرۇسالېم خارابىلىككە ئايلاندى. بىزنىڭ ئاشۇ مۇقەددەس، گۈزەل ئىبادەتخانىمىز، ئەجدادلىرىمىز سېنى مەدھىيەلىگەن ئاشۇ جاي كۆيدۈرۈۋېتىلدى، بىز قەدىرلىگەن بارلىق نەرسىلەر ۋەيران بولدى. ئى پەرۋەردىگار، سەن بۇ ئىشلارغا چىداپ تۇرالامسەن؟ بىزنى ئازابقا تاشلاپ قويۇپ، جىم تۇرامسەن؟ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەندىن سورىمىغانلارغا جاۋاب بېرىشكە تەييار ئىدىم، مېنى ئىزدىمىگەنلەرنىڭ مېنى تېپىۋېلىشىغا تەييار ئىدىم، مېنىڭ نامىمنى ئاتىمىغان خەلققە: ‹مەن بۇ يەردە، مەن بۇ يەردە› دەپ تۇردۇم! مەن ئاسىي خەلقىمنى كۈنبويى قۇچاق ئېچىپ كۈتىمەن، لېكىن ئۇلار يامان يولدا مېڭىۋېرىدۇ، ئۆز خىياللىرى بويىچە ئىش قىلىدۇ. ئۇلار ھەر ۋاقىت مېنى غەزەپلەندۈرىدۇ، ئۇلار باغلىرىدا بۇتلارغا قۇربانلىق قىلىپ، كېسەكتىن ياسالغان قۇربانلىق سۇپىلاردا كۈجە كۆيدۈرىدۇ، ئۇلار قەبرىستانلىقلاردا ئولتۇرۇپ، كېچىنى تۈنەپ ئۆتكۈزىدۇ. چوشقا گۆشى يەيدۇ، قاچىلىرىدا ھارام گۆشلەرنىڭ شورپىلىرى بولىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە كىشىلەرگە ‹نېرى تۇر، ماڭا يېقىنلاشما، چۈنكى مەن ساڭا قارىغاندا مۇقەددەسمەن› دەيدۇ. بۇنداق كىشىلەر خۇددى ئۆچمەي كۆيىدىغان ئوتتەك، خۇددى بۇرنۇمنى ئىس-تۈتەك ئېچىشتۇرغاندەك مېنى ئازابلايدۇ. قارا، بۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئالدىمدا يېزىقلىق تۇرىدۇ، مەن جىم تۇرماسلىقىم، چوقۇم جازالىشىم كېرەك، مەن ئۇلارنى ئۆز يامانلىقلىرىغا يارىشا جازالايمەن. ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ئۆز گۇناھلىرى ئۈچۈن جازالىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار تاغلاردا يالغان ئىلاھلارغا كۈجە كۆيدۈرۈپ، تۆپىلىكلەردە ماڭا ھاقارەت قىلدى. مەن ئۇلارنى ئۆز يامانلىقلىرىغا يارىشا جازالايمەن.» پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «كىشىلەر ئۈزۈم بارىڭىدىكى ناچار ئۈزۈملەرنىڭ ئارىسىدىن ياخشى ئۈزۈملەرنى تاپقاندا، ئۇلار: ‹بۇ ئۈزۈم تېلىنى يۇلۇۋەتمە، چۈنكى ئۇنىڭدا سۇلۇق، ياخشى ئۈزۈملەر بار› دىيىشىدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش، مەن ماڭا سادىق بولغان خىزمەتكارلىرىمنىڭ ۋەجىدىن خەلقىمنىڭ ھەممىسىنى ۋەيران قىلىۋەتمەيمەن. ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى كۆپەيتىمەن، يەھۇدىيەنىڭ پۇقرالىرىنى مېنىڭ تاغلىرىمغا ئىگە قىلىمەن. مېنىڭ تاللىغان خەلقىم زېمىنىمغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم ئۇ يەردە ئولتۇراقلىشىدۇ. شارون تۈزلەڭلىكى قوي توپلىرىنىڭ ئوتلاقلىرىغا، ئاخور جىلغىسى كالا پادىلىرىنىڭ ماكانىغا ئايلىنىدۇ، بۇلار مېنى ئىزدىگەن خەلقىمگە مەنسۇپ بولىدۇ. لېكىن، مەن پەرۋەردىگارنى تاشلىغانلار، مۇقەددەس تېغىمنى ئۇنتۇغانلار، ‹تەلەي› ئىلاھى ئۈچۈن داستىخان سالغانلار، ‹تەقدىر› ئىلاھى ئۈچۈن ھاراق تولدۇرغانلار، مەن سىلەرنىڭ تەقدىرىڭلارنى قىلىچ ئاستىغا قويىمەن، ھەممىڭلار ئۆلۈمگە باش ئېگىسىلەر، چۈنكى، چاقىرسام جاۋاب بەرمىدىڭلار، سۆزلىرىمنى ئاڭلىمىدىڭلار، ئەكسىچە كۆز ئالدىمدا رەزىل ئىشلارنى قىلدىڭلار، مەن خۇشال بولمايدىغان ئىشلارنى تاللىدىڭلار.» شۇڭا ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «قاراڭلار، مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم يەيدۇ، لېكىن سىلەر ئاچ قالىسىلەر، قاراڭلار، مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم ئىچىدۇ، سىلەر ئۇسسۇزلۇقتا قالىسىلەر، قاراڭلار، مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم شادلىنىدۇ، لېكىن سىلەر نومۇستا قالىسىلەر. قاراڭلار، مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم قەلبلىرىدىن شادلىنىپ تەنتەنە قىلىدۇ، لېكىن سىلەر قەلبىڭلاردىكى ئازاب تۈپەيلى يىغلايسىلەر، روھىڭلاردىكى پىغان تۈپەيلى نالە-زار قىلىسىلەر. مەن تاللىغان خەلقىم ئىسمىڭلارنى ئاتاپ قارغايدۇ، مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار سىلەرنى چوقۇم ئۆلتۈرىمەن، لېكىن مېنىڭ خىزمەتكارلىرىمغا يېڭى ئىسىم قويىمەن. زېمىندا بەخت تىلىگۈچىلەر مەن ھەقىقىي خۇدانىڭ نامى بىلەن بەخت تىلەيدۇ، زېمىندا قەسەم قىلغۇچىلار مەن ھەقىقىي خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىدۇ. چۈنكى بۇرۇنقى ئېغىر كۈنلەر ئۇنتۇلۇپ كېتىلىدۇ، كۆز ئالدىمدىن غايىب بولىدۇ.» پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «قاراڭلار، مەن يېڭى ئاسمان، يېڭى زېمىن يارىتىمەن، ئىلگىرىكى ئىشلار ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ، ئۇلارنى ھېچكىم ئېسىگە ئالمايدۇ. مەن ياراتماقچى بولغان ئىشلاردىن خۇشال بولۇڭلار، مەڭگۈ شادلىنىڭلار. قاراڭلار، مەن يېرۇسالېمنى خۇشاللىق مەنبەسى، ئاھالىسىنى شادلىق مەنبەسى قىلىمەن. مەن چوقۇم يېرۇسالېمدىن شادلىنىمەن، خەلقىمدىن خۇشال بولىمەن، ئۇ يەردىن ئەمدى يىغا-زار ۋە نالە-پەرياد ئاۋازلىرى ئاڭلانمايدۇ. ئۇ يەردە ئەمدى بوۋاقلار تۇغۇلۇپلا ئۆلۈپ كەتمەيدۇ، ياشانغانلار قېرىپ ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلىدۇ. يۈز ياش ئۆمۈر كۆرگەنلەر ياش ھېسابلىنىدۇ. يۈز ياشقا كىرمەي تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتكەنلەر قارغىشقا كەتكەنلەر ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ئۆي ياساپ، ئۆزلىرى ئولتۇرىدۇ، ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىپ، مېۋىسىنى يەيدۇ. باشقىلار ئۇلار سالغان ئۆيلەردە ئولتۇرالمايدۇ، ئۇلار ئۆستۈرگەن مېۋىلەرنى باشقىلار بۇلاپ ئەكەتمەيدۇ، چۈنكى خەلقىم دەل-دەرەخلەردەك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ، مەن تاللىغان خەلقىم ئۆز ئەمگىكىنىڭ مېۋىسىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەمگىكى بىكارغا كەتمەيدۇ، ئۇلارنىڭ تۇغقان پەرزەنتلىرى بالا-قازاغا ئۇچرىمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بەخت ئاتا قىلىنغان خەلق ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ئۆتۈنۈشتىن بۇرۇن، مەن جاۋاب بېرىمەن، ئۇلارنىڭ دۇئاسى ئاياغلاشمايلا، ئۇنى ئىجابەت قىلىمەن. بۆرىلەر بىلەن قوزىلار بىرگە ئوزۇقلىنىدۇ، شىرمۇ كالىغا ئوخشاش چۆپ يەيدۇ، يىلاننىڭ ئوزۇقى توپا بولىدۇ، مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمدا ئۇلار ئادەمگىمۇ، ھايۋانغىمۇ چېقىلمايدۇ.» بۇ پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر! پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەرش مېنىڭ تەختىم، زېمىن مېنىڭ پۇت قويىدىغان يېرىمدۇر، سىلەر ماڭا قانداق بىر ساراي ياكى ئارام ئالىدىغان بىر جاي ياساپ بېرەلەيسىلەر؟ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز قولۇم بىلەن ياسىدىم، شۇڭا بۇلارنىڭ ھەممىسى مەۋجۇتتۇر. مەن مۇنداق ئادەمدىن خۇرسەن بولىمەن: ئۇ يۈرىكىدىن توۋا قىلغان، كىچىك پېئىللىق بىلەن ياشىغان، سۆزلىرىمنى ھۆرمەتلەيدىغان ئادەمدۇر. لېكىن بەزىلەر مەن ئۈچۈن كالا بوغۇزلاپ قۇربانلىق قىلىپ، يەنە ھەم بۇتلارغا ئاتاپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قۇربانلىق قىلىدۇ، ماڭا قوي قۇربانلىق قىلىپ، يەنە ھەم بۇتلارغا ئىتنىڭ بوينىنى ئۈزۈپ سۇنىدۇ، ماڭا ئاشلىق ھەدىيەسىنى سۇنۇپ، يەنە ھەم بۇتلارغا چوشقا قېنىنى سۇنىدۇ، ماڭا ئىسرىق سېلىپ، يەنە ھەم ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرىنى مەدھىيەلەيدۇ. بۇنداق ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ يوللىرىنى ئۆزلىرى تاللاپ، قەلبىدىكى يىرگىنىشلىك ئىشلىرىدىنمۇ خۇرسەن بولىدۇ. شۇڭا مەن چوقۇم ئۇلارغا جاپا سېلىشنى تاللايمەن، ئۇلار قورقىدىغان ئىشلارنى ئۇلارغا يولۇقتۇرىمەن. چۈنكى چاقىرسام ھېچكىم جاۋاب بەرمىدى، سۆزلىرىمنى ئاڭلىمىدى، ئەكسىچە نەزىرىمدە رەزىل بولغان ئىشلارنى قىلدى، مېنى خۇرسەن قىلمايدىغان ئىشلارنى قىلىشنى تاللىدى.» ئەي پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ھۆرمەتلەيدىغانلار، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىدىغان قېرىندىشىڭلار سىلەرنى مېنىڭ نامىمدا قوغلاپ چىقىرىۋېتىپ: ‹پەرۋەردىگار ئۆز شان-شەرىپىنى كۆرسىتىپ باقسۇنچۇ! بىز سىلەرنىڭ قانچىلىك خۇشال بولىدىغانلىقىڭلارنى كۆرۈپ باقايلى!› دېيىشىدۇ. لېكىن ئاخىرى ئۆزلىرى نومۇستا قالىدۇ. شەھەردىن ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاڭلانماقتا، ئىبادەتخانىدىن بىر ئاۋاز كەلمەكتە، بۇ، مەن پەرۋەردىگارنىڭ دۈشمەنلىرىمنى جازالىغان ئاۋازدۇر! سىئون تولغىقى تۇتماي بوشىنىدۇ، ئاغرىق كەلمەستىنلا ئوغۇل تۇغىدۇ. بۇنداق ئىشنى كىم ئاڭلاپ باققان؟ كىم كۆرۈپ باققان؟ بىر ئەل بىر كۈندىلا پەيدا بولامدۇ؟ خەلق بىردەمدىلا ئاپىرىدە بولامدۇ؟ لېكىن سىئون كالتە تولغاق بىلەنلا بالا تۇغىدۇ، مەن پەرۋەردىگار ئادەمنى تۇغدۇراي دېگەن ئىكەنمەن، ئۇنى تۇغدۇرماي قالارمەنمۇ؟ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار ئادەمنى تۇغدۇراي دېسە، ئەجەبا ئۇنى تۇغدۇرماي قالارمۇ؟ ئەي، يېرۇسالېمنى ياخشى كۆرىدىغان بارلىق كىشىلەر، ئۇنىڭ بىلەن شاد-خۇرام بولۇپ، تەڭ شادلىنىڭلار! يېرۇسالېم ئۈچۈن ھەسرەت چەككەن بارلىق كىشىلەر، ئۇنىڭ بىلەن بىللە خۇشال بولۇڭلار! ئۇنىڭ تەسەللىلىك قۇچىقىدىن تويغۇچە سۈت ئېمىسىلەر، ئۇنىڭ زور شان-شەرىپىدىن قانغۇچە بەھرىمەن بولۇپ، پۈتۈن قەلبىڭلار بىلەن شادلىنىسىلەر.» پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن يېرۇسالېمغا خۇددى دەريادەك خاتىرجەملىك ئاتا قىلىمەن، خۇددى تاشقىن ئېقىنلاردەك ھەممە ئەللەرنىڭ بايلىقلىرىنى ئۇنىڭغا ئەكېلىپ بېرىمەن. سىلەر ئانا ئۆزى ئېمىتىپ باققان بالىدەك، ھاپاش قىلىنىسىلەر، قۇچىقىدا ئەركىلىتىلىسىلەر. خۇددى ئانا بالىلىرىغا تەسەللى بەرگەندەك، مەن سىلەرگە تەسەللى بېرىمەن، سىلەر يېرۇسالېمدا تەسەللىگە ئېرىشىسىلەر.» سىلەر بۇلارنى كۆرۈپلا قەلبىڭلاردىن شادلىنىسىلەر، ئۇستىخىنىڭلار خۇددى ئوت-چۆپلەردەك ياشىرىدۇ، پەرۋەردىگار كۈچ-قۇدرىتىنى ئۆز خىزمەتكارلىرىغا ئايان قىلىدۇ، لېكىن ئۇ دۈشمەنلىرىگە غەزەپ ياغدۇرىدۇ. قاراڭلار، پەرۋەردىگار ئوت ئىچىدە چۈشمەكتە، ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى قۇيۇندەك كەلمەكتە، ئۇ غەزەپ بىلەن قىساس ئالىدۇ، ئوت يالقۇنى بىلەن جازالايدۇ. پەرۋەردىگار بارلىق ئىنسانلارنى ئوت ۋە قىلىچ بىلەن جازالايدۇ، نۇرغۇن ئادەملەر پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇتلارغا تولغان باغلىرىغا كىرىش ئۈچۈن، ئۆزلىرىنى پاكلاپ، ئۆزىنى ئۇلارغا بېغىشلاپ، چوشقا گۆشى، چاشقان گۆشى ۋە يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى يېگەنلەر بىردەك يوقىتىلىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ۋە نىيەتلىرىنى بىلىمەن. پۈتكۈل ئەللەر، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنى يىغىدىغان ۋاقىت كېلىدۇ. ئۇلار كېلىپ، مېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇمنى كۆرىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مۆجىزە كۆرسىتىمەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قۇتقۇزۇلغانلارنى، ئىسمىمنى ئاڭلاپ باقمىغان، ئۇلۇغلۇقۇمنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان تارشىش، لىۋىيە، ئوقيا ئېتىش بىلەن داڭ چىقارغان لۇد، تۇبال، ياۋان ۋە يىراق دېڭىزدىكى ئاراللارغا ئەۋەتىمەن. ئۇلار ئۇ يەرلەردە مېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇم توغرىسىدا سۆزلەيدۇ. ئۇلار قېرىندىشىڭلارنى ماڭا ھەدىيە سۈپىتىدە ئۇ يەرلەردىن قايتۇرۇپ كېلىدۇ. خۇددى ئىسرائىلىيەلىكلەر پاكىز قاچىلاردا مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئاشلىق ھەدىيەسى ئېلىپ كەلگەندەك، ئۇلار ئات مىنىپ، بەزىلىرى ھارۋىغا ئولتۇرۇپ، بەزىلىرى لەمپىلىك ھارۋىلارغا چىقىپ، بەزىلىرى قېچىرغا مىنىپ، بەزىلىرى تۆگىگە مىنىپ مېنىڭ مۇقەددەس تېغىم يېرۇسالېمغا ماڭا ھەدىيە بولۇپ كېلىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن روھانىيلارنى، لاۋىيلارنى تاللايمەن. بۇ، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. مەن ياراتقان يېڭى ئاسمان، يېڭى زېمىن مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغىنىدەك، سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلار ۋە نامىڭلارمۇ مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. بۇ، مەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر. ھەر ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى ۋە دەم ئېلىش كۈنى بارلىق ئىنسانلار ئالدىمغا كېلىپ، ماڭا ئىبادەت قىلىدۇ. ئۇلار چىقىپ، ماڭا ئاسىيلىق قىلغانلارنىڭ جەسەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ، ئاسىيلارنىڭ تېنىدىكى قۇرتلار ئۆلمەيدۇ، ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋاتقان ئوت ئۆچمەيدۇ، پۈتكۈل ئىنسانلار ئۇلاردىن نەپرەتلىنىدۇ.» بۇلار خىلقىيانىڭ ئوغلى يەرەمىيانىڭ سۆزلىرىدۇر. يەرەمىيا بىنيامىن قەبىلىسىگە قاراشلىق زېمىندىكى ئاناتوت شەھىرىدىكى بىر روھانىي ئىدى. ئاموننىڭ ئوغلى يوشىيا يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان 13-يىلىدىن باشلاپ ئۇنىڭغا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كېلىشكە باشلىغان. يوشىيانىڭ ئوغلى يىھوياقىم يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولغان ۋاقىتلاردا ۋە يوشىيانىڭ يەنە بىر ئوغلى بولغان زىدقىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 11-يىلىغىچە ئۇنىڭغا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كېلىپ تۇرغان. ئاشۇ يىلى يازدا يېرۇسالېم خەلقى سۈرگۈن قىلىنغان. پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ مەن سېنى ئاناڭنىڭ قورسىقىغا تۆرەلدۈرۈشتىن بۇرۇنلا بىلەتتىم. سەن تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن، مەن سېنى ئۆزۈمگە ئايرىۋېلىپ، زېمىندىكى خەلقلەرگە پەيغەمبەر قىلىپ تەيىنلىدىم. مەن پەرۋەردىگارغا: _ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، مەن قانداق سۆزلەشنى بىلمەيمەن. مەن تېخى ياش بىر يىگىت! _ دېدىم. لېكىن پەرۋەردىگار ماڭا: _ سەن ئۆزۈڭنى ھەرگىز كىچىك چاغلىما. مەن سېنى نەگە ئەۋەتسەم، سەن شۇ يەرگە بارىسەن. مەن ساڭا نېمە دېيىشنى ئەمر قىلسام، شۇنى دەيسەن. ئادەملەردىن قورقما. مەن سەن بىلەن بىللە بولىمەن ۋە سېنى قوغدايمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر! _ دېدى. ئاندىن پەرۋەردىگار قولىنى ئاغزىمغا تەگكۈزۈپ، مۇنداق دېدى: _ مانا، مەن سۆزلىرىمنى ئاغزىڭغا سېلىپ قويدۇم! بىلىشىڭ كېرەككى، مەن بۈگۈن ساڭا پادىشاھلىقلارغا ۋە ئەللەرگە ۋەھىيلىرىمنى يەتكۈزۈش ھوقۇقىنى بەردىم. سەن بۇ پادىشاھلىقلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ قومۇرۇپ تاشلىنىدىغانلىقىنى، يىقىتىلىدىغانلىقىنى، ۋەيران بولىدىغانلىقىنى، ئاغدۇرۇلىدىغانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ بولسا قايتا قۇرۇلۇپ، مۇستەھكەملىنىدىغانلىقىنى جاكارلايسەن. پەرۋەردىگار مەندىن: _ نېمىنى كۆردۈڭ، يەرەمىيا؟ _ دەپ سورىدى. مەن: _ بىر بادام دەرىخىنىڭ شېخىنى كۆردۈم، _ دەپ جاۋاب بەردىم. پەرۋەردىگار: _ توغرا كۆردۈڭ، بادام شېخى مېنىڭ كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىدۇ. ئېيتقان سۆزلىرىمنى مەن تېز ئارىدا بەجا كەلتۈرىمەن ، _ دېدى. پەرۋەردىگار يەنە مەندىن: _ نېمىنى كۆردۈڭ؟ _ دەپ سورىدى. مەن: _ قايناۋاتقان بىر قازاننى كۆردۈم. ئۇ قازان شىمالدىن بىز تەرەپكە ئۆرۈلەي-ئۆرۈلەي دەپ تۇرۇپتۇ، _ دېدىم. پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: _ بۇ، شىمالدىن بىر بالايىئاپەت كېلىپ، بۇ زېمىندىكى پۈتۈن ئاھالىلەرنى باسىدىغانلىقىدىن بېشارەتتۇر. ئاڭلا! مەن پەرۋەردىگار دەيمەنكى، شىمالدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنىڭ قوشۇنلىرىنى چاقىرىۋاتىمەن. ئۇلار يېرۇسالېمغا كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەختلىرىنى شەھەر دەرۋازىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئۇلار يېرۇسالېمنىڭ سېپىللىرىغا ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا ھەممە شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىدۇ. مۇشۇ ئارقىلىق مەن خەلقىمگە قارشى ھۆكۈمۈمنى ئىجرا قىلىمەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ نىيەتلىرى يامان. ئۇلار مەندىن يۈز ئۆرۈدى ۋە بۇت ئىلاھلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ، ئۆزلىرى ياسىۋالغان بۇتلىرىغا چوقۇندى. بېلىڭنى باغلا! سەن بېرىپ، بۇ كىشىلەرگە مەن ئېيتقان بارلىق ئەمرلەرنى يەتكۈزگىن. ئۇلاردىن قورقما، بولمىسا مەن سېنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا تېخىمۇ قورقۇنچقا سالىمەن! قارا، بۈگۈن مەن سېنى خۇددى مۇستەھكەم شەھەردەك، تۆمۈر تۈۋرۈكتەك ۋە تۇچتىن سوقۇلغان سېپىلدەك كۈچلۈك قىلدىم. سەن پۈتۈن يەھۇدىيەگە، يەنى ئۇنىڭ پادىشاھلىرى، ئەمەلدارلىرى، روھانىيلىرى ۋە خەلقىگە قارشى تۇرىسەن. ئۇلار ساڭا ھۇجۇم قىلىدۇ، بىراق ئۇلار سېنى يېڭەلمەيدۇ. مەن ساڭا يار بولىمەن، سېنى قۇتقۇزىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر! پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ سەن يېرۇسالېمغا بېرىپ، يېرۇسالېمنىڭ خەلقىگە مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنى جاكارلىغىن: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹سىلەر ياش ۋاقتىڭلاردىكى ساداقىتىڭلار ۋە يېڭى توي قىلغان ۋاقتىڭلاردىكى مۇھەببىتىڭلار بىلەن ماڭا ئەگىشىپ، ھوسۇل چىقمايدىغان چۆل-جەزىرىلەرگىچە قانداق بارغىنىڭلار ئېسىمدە. ئىسرائىل خەلقى ماڭا ئاتالغان بولۇپ، ئۇلار خۇددى تۇنجى ئېلىنغان ھوسۇلۇمغا ئوخشايتتى. ئۇلارنى يۇتۇۋالماقچى بولغانلارنىڭ ھەممىسى جازاغا تارتىلىپ، بالايىئاپەتلەرگە ئۇچرىدى. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!›» ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، ئەي ئىسرائىل خەلقىدىن بولغان بارلىق جەمەتلەر، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار مەندىن شۇنچە يىراقلاپ كەتكۈدەك، مەندىن قانداق ئەيىب تېپىۋالغانىدى؟ ئۇلار ئەرزىمەس بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ئۆزلىرىنىمۇ ئەرزىمەس قىلىۋالدى. ئۇلار: ‹بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگار قېنى؟ بىزنى ھېچكىم ياشاپ باقمىغان ياكى بېرىپ باقمىغان يەرلەردىن باشلاپ، چۆل-جەزىرىلەردىن ۋە ئۇ يەردىكى جىلغىلاردىن، سۇسىزلىق ۋە ئۆلۈم سايىلىرىدىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگار قەيەردە؟› دەپ سوراپ باقمىدى. مەن سىلەرنى مېۋىلەر ۋە ئېسىل نەرسىلەردىن ھۇزۇرلانسۇن دەپ، بۇ مۇنبەت زېمىنغا ئېلىپ كەلگەنىدىم. بىراق مېنىڭ زېمىنىمغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇنى بۇلغىدىڭلار. ماڭا تەئەللۇق بولغان بۇ زېمىننى يىرگىنچلىك جايغا ئايلاندۇرۇپ قويدۇڭلار. روھانىيلار ماڭا ئىنتىلمىدى، قانۇنلىرىمنى ئۆگىتىدىغانلار مېنى ھەقىقىي تونۇمىدى، يېتەكچىلەر ماڭا قارشى چىقتى. ساختا پەيغەمبەرلەر بۇت بائالنىڭ نامىدىن ۋەھىي يەتكۈزۈپ، ئۆزلىرىگە قىلچە ياردەم بېرەلمەيدىغان بۇتلارغا چوقۇندى. شۇڭا، مەن پەرۋەردىگار سىلەرنى ۋە نەۋرەڭلارنى سوراققا تارتىمەن. غەربكە بېرىپ، دېڭىزدىن ئۆتۈپ، سىپرۇس ئارىلىنى كۆرۈپ كېلىڭلار! شەرققە ئادەم ئەۋەتىپ، قېدار زېمىنلىرىغا بېرىپ كېلىڭلار! بۇنداق غەلىتە ئىشلارنى ئاڭلاپ باققان بىرەرسى بارمىكىن؟ بىرەر خەلق ئۆز ئىلاھلىرىدىن ۋاز كېچىپتىمۇ؟ ئىلاھلىرى ھەقىقىي بولمىسىمۇ، ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپتىمۇ؟ ئەمما مېنىڭ خەلقىم شان-شەرەپلىك بولغان مەن خۇدانى ئەرزىمەس بۇتلارغا ئالماشتۇردى! ئەي ئاسمانلار، سىلەرگە شۇنى دەيمەنكى، بۇلاردىن ھەيران بولۇڭلار، چۆچۈڭلار ۋە ۋەھىمىگە چۈشۈڭلار. مېنىڭ خەلقىم رەزىل ئىشتىن ئىككىنى قىلدى: ئۇلار ھاياتلىق سۈيىنىڭ مەنبەسى بولغان مەندىن ۋاز كەچتى ھەمدە ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن سۇ ساقلىيالمايدىغان يېرىق قۇدۇقلارنى كولىدى. ئەي ئىسرائىل خەلقى، سىلەر قۇلمۇ؟ سىلەر قۇللۇققا تۇغۇلغانمۇ؟ نېمە ئۈچۈن سىلەر ئولجىلاردەك ئېلىپ كېتىلدىڭلار؟ سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلار شىردەك ھۆركىرەيدۇ، ئۇلار غەلىبە قىلىپ تەنتەنە قىلىشتى. ئۇلار زېمىنىڭلارنى ۋەيران قىلدى. شەھەرلىرىڭلار كۆيدۈرۈلۈپ، ھېچكىم ھايات قالمىدى. نوپ ۋە تاخپانخېس شەھەرلىرىدىن كەلگەن مىسىرلىقلار بېسىپ كىرىپ، چېچىڭلارنى چۈشۈرۈۋېتىپ، ئۆزلىرىنىڭ قۇلى قىلدى. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى توغرا يولدا يېتەكلىگەن بولساممۇ، سىلەر مەندىن يۈز ئۆرۈپ، بۇ ئاپەتلەرنى ئۆز بېشىڭلارغا تاپتىڭلار. مىسىرغا بېرىپ، ئۇلاردىن ياردەم سورىساڭلار، سىلەرگە نېمە پايدا كېلىدۇ؟ ئاسسۇرغا بېرىپ، ئۇلاردىن ياردەم سورىساڭلار، سىلەرگە نېمە پايدا كېلىدۇ؟ ئۆزۈڭلارنىڭ رەزىللىكىڭلار بېشىڭلارغا چىقىدۇ. ساداقەتسىزلىكىڭلار ئۆزۈڭلارغا جازا ئەكېلىدۇ. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن يۈز ئۆرۈپ، مەندىن قورقماسلىقىڭلارنىڭ سىلەرگە قانچىلىك زور بالايىئاپەت ئەكېلىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىڭلار. بۇ مەن ئىگەڭلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان ھۆكۈمرانلىقىمدىن يۈز ئۆرۈپ، مەن پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلمىدىڭلار. سىلەر: ‹ساڭا ئېتىقاد قىلمايمىز› دېدىڭلار. سىلەر ئېگىز تاغلاردا ۋە بۈك-باراقسان دەرەخلەرنىڭ ئاستىدا خۇددى پاھىشە ئايالغا ئوخشاش ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، بۇتلارغا سەجدە قىلدىڭلار. مەن سىلەرنى ئەلا كۆچەتتەك تىككەنىدىم، سىلەر ئەڭ ياخشى ئۇرۇقتىن ئۆسكەنىدىڭلار. نېمە ئۈچۈن سىلەر ھېچنېمىگە يارىمايدىغان ياۋا ئۈزۈم تېلىغا ئايلىنىپ قالدىڭلار؟ سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، ھەتتا سىلەر ئۆزۈڭلارنى شاخار ۋە ئەڭ كۈچلۈك سوپۇنلار بىلەن يۇساڭلارمۇ پاكىزلانمايسىلەر، مەن يەنىلا رەزىللىكىڭلارنىڭ داغلىرىنى كۆرۈۋالالايمەن. سىلەر: ‹بىز ئۆزىمىزنى بۇلغىمىدۇق! بائالنىڭ بۇتلىرىغا چوقۇنمىدۇق!› دېدىڭلار. ئەمما قانداقمۇ شۇنداق دېيەلەيسىلەر؟ بەنھىننوم جىلغىسىدا ئۆتكۈزگەن قىلمىشىڭلارغا قاراڭلار! ئۆزۈڭلار ئۇ يەردە ئۆتكۈزگەن ئېغىر گۇناھلىرىڭلار ئۈستىدە ئويلىنىڭلار! سىلەر خۇددى چىشى تۆگە كۈيلەش مەزگىلىدە جۈپ ئىزدىگەندەك، بۇتلارنى ئىزدەپ يۈرىسىلەر. سىلەر قۇملۇقتىكى ياۋايى مادا ئېشەكلەرگە ئوخشايسىلەر. ھەۋىسىڭلار قوزغالغاندا پۇراشقا باشلايسىلەر، ھېچكىم سىلەرنى توسۇپ قالالمايدۇ. ھاڭگا ئېشەكلەرنىڭ سىلەرنى ئىزدىشىنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى مادا ئېشەكلەر ھاڭگا ئېشەكلەرگە ئەگىشىپ كېلىدۇ! ئايىغىڭلار يىرتىلىپ، گېلىڭلار قۇرۇپ كەتكۈچە يات ئىلاھلارغا ئەگىشىپ يۈرمەڭلار. ئەمما سىلەر: ‹ئارقىمىزغا قايتمايمىز، بىز يات ئىلاھلارنى ياخشى كۆرىمىز، ئۇلارغا ئەگىشىمىز!› دەيسىلەر. تۇتۇلۇپ قالغان ئوغرى شەرمەندە بولغاندەك، سىلەر ئىسرائىل خەلقىمۇ شەرمەندە بولىسىلەر. سىلەرنىڭ پادىشاھلىرىڭلار، ئەمەلدارلىرىڭلار، روھانىيلىرىڭلار ۋە پەيغەمبەرلىرىڭلارمۇ خىجالەتتە قالىدۇ. سىلەر ياغاچ بۇتلارغا: ‹سەن مېنىڭ ئاتام› دەيسىلەر، سىلەر تاش بۇتلارغا: ‹سەن ماڭا ھاياتلىق بەرگەن› دەيسىلەر. ماڭا ئېتىقاد قىلىشنىڭ ئورنىغا، مەندىن يۈز ئۆرۈيسىلەر. لېكىن قىيىنچىلىققا يولۇققان ۋاقتىڭلاردا ‹كېلىپ، بىزنى قۇتقۇزغىن!› دەپ، ماڭا يېلىنىسىلەر. سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلار ياسىۋالغان ئىلاھىڭلار قېنى؟ قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، ئۇلار سىلەرنى قۇتقۇزسۇن. ئەي يەھۇدىيە خەلقى، سىلەرنىڭ قانچە شەھەرلىرىڭلار بولسا شۇنچىلىك ئىلاھلىرىڭلار بار! نېمە ئۈچۈن مەن بىلەن دەۋالىشىسىلەر، ھەممىڭلار ماڭا قارشى چىققان تۇرساڭلار؟ مەن سىلەرنى جازالىغان بولساممۇ، لېكىن ھېچقانداق پايدىسى بولمىدى. سىلەر مېنىڭ تەربىيەلىرىمگە پىسەنت قىلمىدىڭلار. سىلەرنىڭ قىلىچىڭلار خۇددى ئاچ شىرلاردەك مەن ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈردى. ئەي خەلقىم، مەن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئېيتقانلىرىغا قۇلاق سېلىڭلار. مەن سىلەر ئۈچۈن بىر قۇملۇقمۇ؟ مەن سىلەر ئۈچۈن قاراڭغۇ زېمىنمۇ؟ ئۇنداق بولمىسا نېمىشقا سىلەر ماڭا: ‹بىز ئاخىرى سەندىن قۇتۇلدۇق، ئالدىڭغا ئەمدى بارمايمىز!› دەيسىلەر؟ ياش ئايال زىبۇ-زىننەتلىرىنى، يېڭى كېلىنچەك توي كۆڭلىكىنى ئۇنتۇپ قالامدۇ؟ بىراق مېنىڭ خەلقىم بولغان سىلەر مېنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇنتۇپ قالدىڭلار. سىلەر ئاشىقىڭلارنى قوغلىشىشقا نېمىدېگەن ئۇستا-ھە! ھەتتا پاھىشە ئاياللارمۇ سىلەردىن ئۆگەنسە بولىدۇ. كىيىم-كېچەكلىرىڭلار يوقسۇللار ۋە بىگۇناھلارنىڭ قېنىغا مىلەندى. لېكىن ئۇلار ئۆيلىرىڭلارغا سۇقۇنۇپ كىرىپ تۇتۇلۇپ قېلىنغان ئوغرى ئەمەس. شۇنداق بولسىمۇ، سىلەر تېخى ‹مەن گۇناھسىز، خۇدا ماڭا غەزەپلەنمەيدۇ› دەيسىلەر. ‹مەن گۇناھ قىلمىدىم› دېگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، مەن سىلەرنى جازالايمەن. ياردەم سوراش ئۈچۈن يېڭى ئىتتىپاقداشلارنى ئىزدەشكە، نېمىدېگەن تېز سىلەر-ھە؟ بىراق سىلەرنىڭ مىسىردىكى يېڭى دوستۇڭلار خۇددى ئاسسۇرلاردەك سىلەرنى نائۈمىد قويىدۇ. سىلەر مىسىرلىقلاردىن ئىزا تارتقان ۋە ئازابلانغان ھالدا قوللىرىڭلار بىلەن يۈزۈڭلارنى توسۇپ ئايرىلىسىلەر. مەن پەرۋەردىگارىڭلار سىلەر ئىشىنىپ كەلگەنلەرنى رەت قىلىمەن. سىلەر ئۇلاردىن ھېچقانداق ياردەمگە ئېرىشەلمەيسىلەر.» پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر بىر ئادەم ئايالىنى قويۇۋەتسە، ئۇ ئايال ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ، باشقا بىرىگە خوتۇن بولۇپ كەتسە، ئالدىنقى ئېرى ئۇ ئايالنى قايتا نىكاھىغا ئالسا بولامدۇ؟! بۇنداق بىمەنىچىلىك پۈتۈن يۇرتنى بۇلغىمامدۇ؟! شۇنىڭغا ئوخشاش سىلەر ئىسرائىللار خۇددى پاھىشىلەردەك پەرۋەردىگارغا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، ئۆزۈڭلارنى نۇرغۇن بۇت ئىلاھلارغا ئاتىۋەتتىڭلار. سىلەر قايسى يۈزۈڭلار بىلەن ‹بىز پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا قايتىپ بارالايمىز› دەپ ئويلايسىلەر؟ ئەتراپىڭلاردىكى تاقىر تاغلارغا قاراپ بېقىڭلار، ئۇ يەرلەردە بۇتلارغا چوقۇنۇپ، پاھىشىۋازلىق قىلمىغان جاي قالدىمۇ؟ سىلەر يول بويىدا خېرىدار كۈتۈۋاتقان پاھىشىلەرگە ئوخشاش ئولتۇرىسىلەر. سىلەر خۇددى چۆلدە ئولجا كۈتۈپ، يوشۇرۇنۇپ تۇرغان قاراقچىلارغا ئوخشايسىلەر. سىلەرنىڭ يات ئىلاھلار بىلەن قىلغان پاھىشىۋازلىقىڭلار بۇ زېمىننى بۇلغىدى. يامغۇرنىڭ قايتا ياغمىغانلىقى، ھەتتا باھاردىمۇ ياغمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى شۇدۇر. سىلەر پاھىشىلەردەك يۈزسىزسىلەر، نومۇس دېگەننى بىلمەيسىلەر. ھازىر سىلەر يەنىلا ماڭا: ‹سەن بىزنىڭ ئاتىمىز! ياشلىقىمىزدىن بۇيانقى دوستىمىزسەن. سەن دائىم بىزدىن ئاچچىقلىنىپ يۈرەمسەن؟ سەن بىزگە مەڭگۈ غەزەپلىنەمسەن؟› دەيسىلەر. بىراق سىلەر ئۆزۈڭلار قىلالايدىغانلىكى يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىۋېرىسىلەر.» يەھۇدىيە پادىشاھى يوشىيا دەۋرىدە پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىلىيەنىڭ قانچىلىك ساداقەتسىزلىكىنى كۆردۈڭمۇ؟ خۇددى ساداقەتسىز ئايالغا ئوخشاش، ئۇلار ئېگىز تاغلاردا ۋە بۈك-باراقسان دەرەخلەرنىڭ ئاستىدا بۇت ئىلاھلارغا چوقۇندى. مەن، ئۇلار مۇشۇ قىلمىشلىرىدىن كېيىن، «مېنىڭ يولۇمغا قايتىپ كېلىدۇ» دەپ ئويلىغانىدىم. بىراق، ئۇلار مېنىڭ يولۇمغا قايتمىدى. ئىسرائىلىيەنىڭ ماڭا ساداقەتسىز قېرىندىشى بولغان يەھۇدىيە بۇنى كۆرۈپ تۇردى. ئىسرائىلىيەنىڭ بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭ تالاق خېتىنى بېرىپ، ئۇنى تاشلىۋەتكەنلىكىمنى يەھۇدىيە بىلدى. بىراق ئىسرائىلىيەنىڭ ماڭا ساداقەتسىز قېرىندىشى بولغان يەھۇدىيە بۇنىڭدىن ئىبرەت ئالماي، مەندىن قورقمىدى. ئۇمۇ خۇددى پاھىشىگە ئوخشاش، بۇت ئىلاھلارغا چوقۇنۇشقا باشلىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ قىلغان ساداقەتسىزلىكىگە سەل قاراپ، ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسالغان بۇتلارغا چوقۇنۇپ، زېمىننى بۇلغىدى. شۇنىڭغا قارىماي، ئىسرائىلىيەنىڭ ساداقەتسىز قېرىندىشى يەھۇدىيە سەمىمىيەتلىك بىلەن مېنىڭ يولۇمغا قايتمىدى. ئۇ پەقەت ئەپۇ سورىغان قىياپەتكە كىرىۋالدى، خالاس. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر! پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ۋاپاسىز ئىسرائىلىيەنىڭ گۇناھى ساداقەتسىز يەھۇدىيەنىڭكىگە قارىغاندا يېنىكرەك. سەن بېرىپ، شىمالدىكى ئەللەرنىڭ ئارىسىدا ياشايدىغان خەلقىمگە بۇ سۆزلەرنى جار سېلىپ ئېيتقىن: «ئەي ۋاپاسىز ئىسرائىلىيە! مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە مۇنداق دەيمەن: مېنىڭ يولۇمغا قايتىڭلار! مەن سىلەردىن نارازى بولىۋەرمەيمەن. مەن مېھىر-شەپقەتلىك، مەن سىلەرگە ئۈزلۈكسىز غەزەپلىنىۋەرمەيمەن. ئەمما سىلەر چوقۇم گۇناھلىرىڭلار ئۈچۈن توۋا قىلىشىڭلار كېرەك. چۈنكى سىلەر مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاسىيلىق قىلدىڭلار. سىلەر ھەربىر بۈك-باراقسان ئۆسكەن دەرەخلەرنىڭ ئاستىدا ئۆزۈڭلارنى يات بۇتلارغا بېغىشلاپ، ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلمىدىڭلار. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر! مەن يەنە شۇنداق دەيمەنكى، ئەي ساداقەتسىز بالىلىرىم، مېنىڭ يولۇمغا قايتىڭلار. مەن سىلەرنىڭ خوجايىنىڭلار. ئەگەر يولۇمغا قايتساڭلار، ھەربىر شەھەردىن بىرىڭلارنى ۋە ھەربىر جەمەتتىن ئىككىڭلارنى سىئون تېغىغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. مەن سىلەرگە ماڭا ساداقەتمەن يولباشچىلارنى بېرىمەن. ئۇلار سىلەرنى ئەقىل-پاراسەت ۋە ھېكمەت بىلەن يېتەكلەيدۇ. ئاشۇ كۈنلەردە، زېمىندا سانىڭلار كۆپىيىدۇ. مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، شۇ ۋاقىتلار كەلگەندە ئىسرائىل خەلقى مېنىڭ ئەھدە ساندۇقۇمنى قايتا تىلغا ئالمايدۇ. ئۇلار ئۇنى ئويلىمايدۇ، ئەسلىمەيدۇ، سېغىنمايدۇ ياكى باشقا بىرسىنى ياسىمايدۇ. ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار يېرۇسالېمنى ‹پەرۋەردىگارنىڭ تەختى› دەپ ئاتايدۇ. بارلىق ئەللەر يېرۇسالېمغا يىغىلىپ، مېنىڭ نامىمغا شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇلار ئەمدى جاھىللارچە ئۆزلىرىنىڭ يامان نىيەتلىرىگە ئەگىشىپ ماڭمايدۇ. ئۇ ۋاقىتلاردا يەھۇدىيە خەلقى بىلەن ئىسرائىلىيە خەلقى بىرلىشىپ ياشايدۇ. ئۇلار شىمالدىكى زېمىنلاردىن مەن ئەجدادلىرىڭلارغا ئاتا قىلغان زېمىنغا بىرلىكتە قايتىپ كېلىدۇ. ئەي ئىسرائىل خەلقىم، مەن ئىچىمدە مۇنداق ئويلىغانىدىم: خۇرسەنلىك بىلەن سىلەرنى ‹ئوغلۇم› دەپ بىلىشنى خالايتتىم، جاھاندىكى ئەڭ ئېسىل، ئەڭ گۈزەل زېمىننى سىلەرگە ئاتا قىلماقچىدىم. مېنى ‹ئاتام› دەپ ئاتاپ، مەندىن يۈز ئۆرۈمەسلىكىڭلارنى ئۈمىد قىلىپ كەلگەنىدىم. بىراق مەن سىلەرگە ئېيتىمەنكى، ئەي ئىسرائىل خەلقى، سىلەر ئۆز ئېرىنى تاشلاپ كەتكەن ساداقەتسىز ئايالغا ئوخشاش ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلدىڭلار. تاقىر تاغلاردىن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. ئۇ ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئۆز بۇتلىرىغا قىلغان نالە-پەريادلىرىنىڭ ئاۋازى ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىق يوللىرىغا مېڭىپ، مېنى _ ھەقىقىي پەرۋەردىگار خۇدانى ئۇنتۇپ قالغانىدى. ئەي ساداقەتسىز ئىسرائىل خەلقىم، مېنىڭ يولۇمغا قايتىڭلار. مەن سىلەرنىڭ ساداقەتسىزلىكىڭلارنى ساقايتىشنى خالايمەن. سىلەرنىڭ مۇنداق دېيىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن: ‹مانا، بىز يېنىڭغا كەلدۇق، چۈنكى سەن بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز خۇدادۇرسەن. تاغلاردا يالغان بۇت ئىلاھلارغا چوقۇنۇشلىرىمىزنىڭ بىھۇدە ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتۇق. ئى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا، پەقەت سەنلا خەلقىمىزنى قۇتقۇزالايسەن. بىز نومۇسسىزلارچە بۇتلارغا چوقۇنغانلىقىمىزدىن تارتىپ، ئەجدادلىرىمىز ئىشلەپ تاپقان ھەممە نەرسىمىز يوق بولدى، چارۋا ماللىرىمىز ۋە ئوغۇل-قىزلىرىمىزدىن ئايرىلدۇق. بىز ئەسلى خىجالەتچىلىكنى كۆرپە، نومۇسنى يوتقان قىلىشىمىز كېرەك ئىدى. لېكىن بىزمۇ ئەجدادلىرىمىزغا ئوخشاش ھەمىشە پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلىپ كەلدۇق. بالىلىق دەۋرىمىزدىن تارتىپ تاكى مۇشۇ كۈنگىچە بىز ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلماي كەلدۇق.›» پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئىسرائىللار، ئەگەر مېنىڭ يولۇمغا قايتماقچى بولساڭلار، سىلەر چوقۇم بۇ يىرگىنچلىك بۇتلارنى كۆزۈمدىن يوقىتىشىڭلار ۋە قايتا مېنىڭ يولۇمدىن ئەسلا ئازماسلىقىڭلار كېرەك. مېنىڭ نامىم بىلەن قەسەم قىلغاندا، سەمىمىيلىك، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق بىلەن قىلىڭلار. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، باشقا ئەللەرمۇ ئالدىمغا كېلىپ بەخت-سائادەتكە ئېرىشىدۇ. ئۇلار مەندىن پەخىرلىنىدۇ.» پەرۋەردىگار يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېم خەلقىگە مۇنداق دەيدۇ: «قەلب ئېتىزىڭلارنى يۇمشىتىڭلار، تىكەنلىككە ئۇرۇق چاچماڭلار. ئەي، يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېم خەلقى، سىلەر خەتنە قىلىپ، خەلقىم بولغانىكەنسىلەر، قەلبىڭلارنى پاكلاپ، ئۆزۈڭلارنى ماڭا بېغىشلاڭلار. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، قىلغان رەزىللىكىڭلار ئۈچۈن، غەزىپىم خۇددى يالقۇنلاپ كۆيۈۋاتقان ئوتتەك سىلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ، ھېچكىم بۇ ئوتنى ئۆچۈرەلمەيدۇ.» پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ خەۋەرنى يەھۇدىيەگە ۋە يېرۇسالېم خەلقىگە ئۇقتۇرغىن: ‹پۈتۈن زېمىندا بۇرغا چېلىپ ئۈنلۈك ئاۋازدا جاكارلاڭلار، خەلق يىغىلسۇن! مۇستەھكەم شەھەرلەرگە قېچىپ كىرسۇن! خەلق بەلگە تۇغىنى كۆتۈرۈپ سىئون تېغىغا بارسۇن. جېنىڭلارنى ئېلىپ قېچىڭلار! كېچىكمەڭلار! چۈنكى مەن شىمالدىن ئاپەت ئېلىپ كەلمەكتىمەن. زور ۋەيرانچىلىق بولىدۇ.›» شىر ئۇۋىسىدىن چىقىپ كېلىۋاتىدۇ، خەلقلەرنى ۋەيران قىلغۇچى يولغا چىقتى. ئۇ كېلىپ، سىلەرنىڭ زېمىنىڭلارنى ۋەيران قىلماقچى. شەھەرلىرىڭلار ۋەيران قىلىنىدۇ ۋە ئۇ يەرلەردە ھېچكىم ياشىمايدۇ. شۇڭا ماتەملىك كىيىملىرىڭلارنى كىيىپ، قايغۇرۇپ، ھازا تۇتۇڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە بولغان غەزىپى تېخى بېسىلمىدى. پەرۋەردىگار: «شۇ كۈنى پادىشاھ ۋە ئەمەلدارلار ئۆز جاسارەتلىرىنى يوقىتىدۇ، روھانىيلار داڭ قېتىپ قالىدۇ، پەيغەمبەرلەر ھەيرانلىقتا قالىدۇ» دەيدۇ. مەن: _ ئى پەرۋەردىگار خۇدا، سەن يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدىكى خەلقلەرنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن: «سىلەر ئامان قالىسىلەر!» دەپ ئالدىشىغا يول قويغانىدىڭ. ئەمەلىيەتتە قىلىچ گېلىمىزغا ئاللىقاچان تەڭلىنىپ بولغانىدى! _ دېدىم. ئۇ كۈن كەلگەندە، پەرۋەردىگار يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېم خەلقىگە: «قۇملۇقتىن چىققان بىر ئىسسىق شامال خەلقىمگە ئۇرۇلىدۇ. ئۇ ئاشلىق سورۇشقا كېرەك بولغان مەيىن شامال ئەمەس، بەلكى ئۇ مەن چىقارغان ناھايىتى كۈچلۈك بىر بوراندۇر. مەن ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىمەن.» دەيدۇ. قاراڭلار، دۈشمەن قارا بۇلۇتلاردەك كېلىدۇ. ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى قۇيۇندەك كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئاتلىرى بۈركۈتلەردىن تېز چاپىدۇ. ھالىمىزغا ۋاي! بىز ۋەيران بولىمىز! ئەي يېرۇسالېم خەلقى، قەلبىڭلاردىكى رەزىللىكلەرنى يۇيۇۋېتىڭلار، شۇندىلا ئامان قالىسىلەر. يامان نىيەتلىرىڭلارنى يەنە قاچانغىچە قەلبىڭلاردا ساقلايسىلەر؟ شىمالدىكى دان شەھىرىدىن ۋە ئەفرايىم تاغلىق رايونلىرىدىن ئەلچىلەر كېلىپ شۇم خەۋەرلەرنى جاكارلايدۇ. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەتراپتىكى ئەللەرنى بۇ ئىشلار توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغىن. بۇنى يېرۇسالېمغا جاكارلىغىن. يىراق ئەلدىن دۈشمەن قوشۇنلىرى كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار يەھۇدىيە شەھەرلىرىگە قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن سۈرەن سېلىپ كېلىۋاتىدۇ. يەھۇدىيە ماڭا ئاسىيلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، خۇددى ئادەملەر ئېتىزلىقىنى چۆرىدەپ قورشىغاندەك، دۈشمەن ئۇلارنى قورشىۋالىدۇ. ئەي خەلقىم، تۇتقان يولۇڭلار ۋە قىلغان قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن بۇ ئاپەت بېشىڭلارغا چۈشىدۇ. بۇ سىلەرنىڭ جازايىڭلار، بۇ ئېچىنىشلىق ئىش. ئۇ سىلەرنىڭ يۈرىكىڭلارغا سانجىلىدۇ.» مەن يەرەمىيا مۇنداق دېدىم: «بۇ بىر ئازاب! مەن بۇ ئازابقا بەرداشلىق بېرەلمەيمەن! ۋاي يۈرىكىم! يۈرىكىم قاتتىق سوقۇۋاتىدۇ! مەن سۆزلىمەي تۇرالمايمەن. مەن دۈشمەننىڭ بۇرغا ۋە جەڭ ئاۋازلىرىنى ئاڭلاۋاتىمەن. پۈتكۈل زېمىن تاكى ۋەيران بولغۇچە، ئاپەتلەر بىرىنىڭ ئارقىدىن بىرى توختىماي يۈز بېرىدۇ. توساتتىن بارلىق چېدىرلىرىمىز ۋەيران بولىدۇ. چېدىرغا يېپىلغان كىگىزلەرمۇ تۇيۇقسىز يىرتىلىپ كېتىدۇ. مەن قاچانغىچە ئۇرۇش تۇغلىرىنى كۆرۈپ، جەڭ بۇرغىلىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلارمەن؟» پەرۋەردىگار مۇنداق جاۋاب بەردى: «خەلقىم ھاماقەت، ئۇلار مېنى تونۇمايدۇ. ئۇلار ئەخمەق، ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار رەزىل ئىش قىلىشنىڭ پىرلىرىدۇر ئۇلار ياخشىلىق قىلىشنى بىلمەيدۇ.» مەن مۇنداق دېدىم: «مەن زېمىنغا قارىدىم، ھېچ نېمە يوق، قاقاسلىق ئىدى. مەن ئاسمانغا قارىدىم، يورۇقلۇق يوق ئىدى. مەن تاغلارغا قارىدىم، ئۇلار سىلكىنىۋاتاتتى. ھەممە ئېگىزلىكلەر تەۋرىنىۋاتاتتى. مەن تۆت ئەتراپقا قارىدىم، ئادەم يوق ئىدى، ئاسماندىكى جىمى قۇشلار ئۇچۇپ كەتكەنىدى. مەن مۇنبەت زېمىنلارغا قارىدىم، ئۇ چۆلگە ئايلانغانىدى. پەرۋەردىگارنىڭ دەھشەتلىك غەزىپىدىن زېمىندىكى بارلىق شەھەرلەر خارابىلىككە ئايلانغانىدى.» پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: «پۈتۈن زېمىن خارابىلىككە ئايلىنىدۇ، شۇنداقتىمۇ مەن ئۇنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋەتمەيمەن. زېمىن ھازا تۇتىدۇ، ئاسمان قاراڭغۇلۇققا چۆكىدۇ. مەن مەقسىتىمنى ئوچۇق ئېيتتىم ۋە قارار قىلدىم. قارارىمنى ئۆزگەرتمەيمەن.» شەھەردىكى بارلىق كىشىلەر ئاتلىقلار ۋە ئوقياچىلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپلا، قورقۇپ قېچىپ كېتىدۇ. ئۇلار ئورمانلىقلارغا قاچىدۇ، قورام تاشلارنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنۇۋالىدۇ. پۈتۈن شەھەرلەر تاشلاندۇق يەرگە ئايلىنىدۇ، ھېچكىم ئۇ يەرلەردە ياشىمايدۇ. ئەي يېرۇسالېم، سەن ھالاكەتكە يۈزلەندىڭ! نېمە ئۈچۈن شۇنچە روشەن، قىپقىزىل كىيىنىۋالىسەن؟ نېمە ئۈچۈن ئالتۇن زىبۇ-زىننەت تاقاپ، كۆزلىرىڭنى بويىۋالىسەن؟ سەن بىكاردىن-بىكار ياسىنىۋاتىسەن! سېنى سۆيگەن ئىتتىپاقداشلىرىڭ ئەمدى سېنى كۆزگە ئىلمايدۇ، ئۇلار سېنىڭ جېنىڭغا قەست قىلماقچى. مەن خۇددى تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان بىر ئايالنىڭ يىغىسىنى، تۇنجى بالىسىنى تۇغۇش ئۈچۈن ئىڭرىغان بىر ئايالنىڭ ئىڭرىشىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم. بۇ، گۈزەل يېرۇسالېمنىڭ نەپىسى بوغۇلۇپ قوللىرىنى كۆككە سوزۇپ، «ھالىمغا ۋاي! مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ!» دەپ يىغلىغان ئاۋازى ئىدى. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرىغا چىقىپ، تۆت ئەتراپقا قاراپ، ئويلىنىپ بېقىڭلار. ئۇنىڭ مەيدانلىرىنى كېزىپ كۆرۈڭلار. ئەگەر سىلەر ئادالەتلىك، ساداقەتمەن بىرەر ئادەم تاپالىساڭلار، مەن بۇ شەھەرنىڭ ئاھالىسىنى كەچۈرۈۋېتىمەن. گەرچە ئۇلار مېنىڭ نامىمدىن قەسەم قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار قەسەملىرىدە تۇرمايدۇ.» ئەي پەرۋەردىگار، سېنىڭ سەمىمىيەت ئىزدەيدىغانلىقىڭنى بىلىمەن. سەن بۇ كىشىلەرنى جازالىغان بولساڭمۇ، ئۇلار سۆزلىرىڭگە ئېتىبار قىلمىدى. ھەتتا سەن ئۇلارنى ۋەيران قىلىۋېتىشكە ئازلا قالغان چاغدىمۇ، ئۇلار خاتالىقىنى تۈزىتىشنى خالىمىدى. ئۇلار قەلبلىرىنى خۇددى تاشتەك قاتتىق قىلدى. ئۇلار توۋا قىلىشنى خالىمىدى. مەن ئويلىدىم: «بۇلار نامرات بولغاچقا، بىلىمسىزلىكىدىن مۇشۇنداق قىلىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى بىلمىگەچكە، ھاماقەتلەردەك ئىش قىلىدۇ. ئۇلار خۇدانىڭ ئۆزلىرىدىن نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. مەن يېتەكچىلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇلار بىلەن سۆزلىشىمەن. ئۇلار چوقۇم پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى ۋە خۇدانىڭ ئۆزلىرىدىن نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.» لېكىن ئۇلارمۇ سېنىڭ ھوقۇقۇڭنى رەت قىلىپ، ساڭا ئىتائەت قىلمايدىكەن. شۇڭا دۈشمەنلىرى ئۇلارنى خۇددى ئورمانلىقتىكى شىرلار ئولجىنى تىتقاندەك تىتىپ تاشلايدۇ. دۈشمەنلىرى ئۇلارنى قۇملۇقلاردىن كەلگەن بۆرىلەردەك يەۋېتىدۇ. دۈشمەنلىرى خۇددى يىلپىزلاردەك شەھەر سىرتىدا ساقلاپ يېتىپ، كىم سىرتقا چىقىشقا پېتىنسا شۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى چېكىگە يېتىپ، ئاسىيلىقلىرى تېخىمۇ كۈچەيدى. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي يېرۇسالېم، قانداقمۇ سېنى كەچۈرەلەيمەن؟ سېنىڭ خەلقىڭ مېنى رەت قىلغان تۇرسا! ئۇلار ھەقىقىي خۇدا بولمىغان بۇتلارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدى. گەرچە مەن ئۇلارنىڭ بارلىق ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرغان بولساممۇ، ئۇلار ماڭا خۇددى ئېرىگە ساداقەتسىز ئايالدەك مۇئامىلە قىلدى. ئۇلار توپلىشىپ، پاھىشىخانىلارغا ئالدىرىدى. ئۇلار كۈچ-قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان، ياخشى بوردالغان ئايغىرلارغا ئوخشايتتى. ھەممىسى قوشنىلىرىنىڭ ئاياللىرىنىڭ كەينىدىن كىشنەيتتى. ئۇلارنى ئاشۇ قىلمىشلىرى ئۈچۈن جازالىماي قانداق تۇرالاي؟ ماڭا قارشى تۇرغان بۇنداق خەلقتىن قىساس ئالماي قانداق تۇرالاي؟ مەن سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلارغا شۇنداق دەپ ئېيتىمەنكى: ‹سىلەر مېنىڭ ئۈزۈمزارلىقىمغا كىرىپ، ئۇنى ۋەيران قىلىڭلار، لېكىن پۈتۈنلەي يوقىتىۋەتمەڭلار. ئۈزۈمزارلىق ماڭا مەنسۇپ بولمىغانلىقى ئۈچۈن، تەكلەرنى كېسىۋېتىڭلار. مەن پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقى ماڭا ناھايىتى كۆپ ساداقەتسىزلىك قىلىپ كەلدى.›» بۇ خەلق پەرۋەردىگار توغرىسىدا يالغان سۆزلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇ بىزنى ھېچنېمە قىلمايدۇ! بىزگە ھېچقانداق بالايىئاپەت كەلمەيدۇ. ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىقمۇ بولمايدۇ. ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ قۇرۇق گەپ قىلغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ. پەرۋەردىگار ئۇلارغا ۋەھىي چۈشۈرگەن ئەمەس. شۇڭا ئۇلارنىڭ دېگەنلىرى ئۆز بېشىغا چۈشسۇن.» شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار، يەنى قۇدرەتلىك سەردار خۇدا ماڭا مۇنداق دېدى: «ئەي يەرەمىيا، بۇ خەلق مۇشۇنداق يالغان گەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، مەن سېنىڭ ئاغزىڭغا سالغان سۆزلەرنى ئوتتەك قىلىمەن. شۇنداقلا بۇ ئادەملەرنى سېنىڭ ئاغزىڭدىن چىققان ھۆكۈملەردىن پاراسلاپ كۆيىدىغان ئوتۇندەك قىلىمەن.» پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئاڭلاڭلار، ئىسرائىل خەلقى! مەن سىلەرگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن بىر خەلقنى يىراقتىن ئېلىپ كېلىمەن. ئۇ تارىخى ئۇزۇن بىر قەدىمىي خەلق. بۇ خەلقنىڭ تىلىنى سىلەر بىلمەيسىلەر. ئۇلار سىلەر چۈشەنمەيدىغان تىللاردا سۆزلەيدۇ. ئۇلارنىڭ جەڭچىلىرىنىڭ ھەممىسى ناھايىتى كۈچلۈكتۇر. ئوقيالىرى ئۆلۈم ئەلچىلىرىدۇر. ئۇلار زىرائەتلىرىڭلار ۋە يېمەكلىكىڭلارنى يەپ تۈگىتىدۇ، ئوغۇل-قىزلىرىڭلارنى ئۆلتۈرىدۇ، چارۋا ماللىرىڭلارنى يەپ بولىدۇ، ئۈزۈمزارلىقىڭلار ۋە ئەنجۈر دەرەخلىرىڭلارنى قۇرۇتۇپ تاشلايدۇ. ئۇلار سىلەر ئىشەنگەن مۇستەھكەم شەھەرلىرىڭلارنى قىلىچ بىلەن ۋەيران قىلىدۇ.» پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ھەتتا ئاشۇ كۈنلەر كەلگەندىمۇ، مەن خەلقىمنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋەتمەيمەن. ئۇلار سەندىن: ‹نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزگە بۇنداق غەزەپلىنىدۇ؟› دەپ سورايدۇ. سەن ئۇلارغا: ‹چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگاردىن ۋاز كېچىپ، ئۆز زېمىنىڭلاردا بۇتلارغا چوقۇندۇڭلار. شۇڭا سىلەر يات زېمىندا يات ئەللەرنىڭ قۇلى بولىسىلەر› دەپ جاۋاب بېرىسەن. ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى ئارىسىدا جاكارلىغىن، يەھۇدىيەنىڭ ھەممە يەرلىرىگە ئۇقتۇرغىن: ئەي، كۆزى تۇرۇپ كۆرمەيدىغان، قۇلىقى تۇرۇپ ئاڭلىمايدىغان ئەخمەق ۋە پاراسەتسىز خەلق، بۇنى ئاڭلاڭلار! مەن پەرۋەردىگار سىلەردىن سورايمەن: سىلەر نېمە ئۈچۈن مەندىن قورقمايسىلەر؟ مېنىڭ ئالدىمدا نېمىشقا تىترىمەيسىلەر؟ مەن دېڭىزغا پاسىل قىلىپ قۇملۇق ساھىلىنى بەرپا قىلدىم، دېڭىز-ئوكيانلار بۇ پاسىلدىن ھەرگىز ئۆتەلمەيدۇ. دېڭىز دولقۇنلىشى مۇمكىن، لېكىن سۇلار ھەرگىز تېشىپ كېتەلمەيدۇ، شاۋقۇن چىقىرىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلار ھەرگىز پاسىلدىن ھالقىپ ئۆتەلمەيدۇ. لېكىن بۇ كىشىلەر جاھىل ۋە ئاسىيدۇر. ئۇلار يولۇمدىن چەتنەپ، ئۆزلىرىنىڭ يولىدا مېڭىشتى. ئۇلار ھەرگىز ئۆزلىرىگە: ‹پەرۋەردىگارىمىز خۇدادىن ئەيمىنەيلى، ئۇ بىزگە دەل ۋاقتىدا كۈز ۋە باھار يامغۇرلىرىنى ياغدۇرۇپ بەرگەن، ئۇ ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە بىزنىڭ مول ھوسۇل ئېلىشىمىزغا كاپالەتلىك قىلغان› دېمەيدۇ. سىلەرنىڭ رەزىللىكىڭلار سىلەرنى ياخشىلىقلاردىن مەھرۇم قىلدى. سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلار بەختىڭلارنى ئېلىپ كەتتى. مېنىڭ خەلقىم ئارىسىدىن رەزىل كىشىلەر چىقتى. ئۇلار قۇش ئوۋلىغۇچىلاردەك مۆكۈنۈپ ياتىدۇ. ئۇلار تۇزاقلارنى قۇرۇپ ئادەملەرنى تۇتىدۇ. ئوۋچى قەپىسىنى ئوۋلار بىلەن تولدۇرغاندەك، ئۇلار ئۆيلىرىنى ئالدامچىلىققا تولدۇرغاندۇر. ئۇلار باي ۋە كۈچلۈك بولۇپ كەتكەن. ئۇلار بوردىلىپ، سەمرىپ كەتكەن، ئۇلار قىلغان رەزىل ئىشلارنىڭ چېكى يوق. ئۇلار ئادىللىقنى ئىزدىمەيدۇ، ئاتىسىز يېتىملەرنىڭ ئەرزىنى ئاڭلىمايدۇ. ئۇلار كەمبەغەللەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىمايدۇ. شۇڭا مەن ئۇلارنى ئاشۇ قىلمىشلىرى ئۈچۈن جازالىماي قانداق تۇرالاي؟ مەن بۇنداق رەزىل خەلقتىن قىساس ئالماي قانداق تۇرالاي؟ ۋەھىمىلىك، ئادەمنى چۆچۈتىدىغان ئىشلار يەھۇدىيە زېمىنىدا يۈز بېرىۋاتىدۇ: ئاتالمىش پەيغەمبەرلەر يالغان سۆزلەيدۇ، روھانىيلار ئۆز ئىختىيارى بويىچە خەلقىنى باشقۇرىدۇ، خەلقىم شۇنى خالايدۇ. لېكىن بالايىئاپەت بېشىغا كەلگەندە ئۇلار نېمە ئىش قىلالايدۇ؟» جېنىڭلارنى ئېلىپ قېچىڭلار، ئەي بىنيامىن خەلقى! يېرۇسالېمدىن قېچىپ چىقىڭلار! تىقوۋادا بۇرغا چېلىپ، بەيت-ھاككەرەمدە گۈلخان يېقىپ، بەلگە كۆرسىتىڭلار! چۈنكى شىمالدىن بالايىئاپەت كېلىۋاتىدۇ، ئېغىر ۋەيرانچىلىق يېقىنلىشىۋاتىدۇ. سىئون ناھايىتى چىرايلىق ۋە لاتاپەتلىك بىر قىز ئىدى، بىراق مەن ئۇنى ۋەيران قىلىمەن. خۇددى پادىچى پادىلىرى بىلەن كەلگەندەك، پادىشاھلار قوشۇنلىرى بىلەن كېلىپ، يېرۇسالېمغا قارشى جەڭ قىلىدۇ. ھەربىر قوشۇن ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان يەرنى ۋەيران قىلىدۇ. ئۇلار: «يېرۇسالېمغا قارشى جەڭ قىلىشقا تەييارلىق قىلىڭلار! كېلىڭلار! چىڭقى چۈشتە ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلايلى!» دەيدۇ. لېكىن بىردەمدىن كېيىن ئۇلار يەنە: «بەك ئەپسۇس، قۇياش پېتىپ قاراڭغۇ چۈشۈۋاتىدۇ. شۇڭا كېلىڭلار، كېچىدىن پايدىلىنىپ، ھۇجۇم قىلىپ، مۇستەھكەم قورغانلىرىنى ۋەيران قىلايلى!» دەيدۇ. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدىكى دەرەخلەرنى كېسىڭلار. سېپىلىغا توپا دۆۋىلەپ ھۇجۇم قىلىڭلار. بۇ شەھەر جازالىنىشى كېرەك. ئۇنىڭدا زۇلۇمدىن باشقا نەرسە يوق. قۇدۇقتىن توختىماي سۇ چىققاندەك، بۇ شەھەردىنمۇ توختىماي رەزىللىك چىقىپ تۇرىدۇ. زوراۋانلىق ۋە ۋەيرانچىلىقنىڭ ئەكس سادالىرى شەھەرنىڭ ھەممە يەرلىرىدە ئاڭلانماقتا. مەن كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى كېسەل ۋە يارىدار كىشىلەردۇر. ئەي يېرۇسالېم، بۇ ئاگاھلاندۇرۇشقا قۇلاق سال. بولمىسا مەن سەندىن يۈز ئۆرۈيمەن. ھەمدە سېنى ھېچكىم ياشىمايدىغان خارابىلىككە ئايلاندۇرۇپ قويىمەن.» قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «ئۆزۈم يىغقۇچى ئۆزۈم تېلىنى قايتا-قايتا تەكشۈرگىنىگە ئوخشاش، دۈشمىنىڭلار ئىسرائىلىيەدە قالغان خەلقنى بىردىن-بىردىن تەكشۈرۈپ چىقىدۇ.» مەن مۇنداق جاۋاب بەردىم: «كىمگە گەپ قىلاي، كىمنى ئاگاھلاندۇراي؟ گېپىمنى كىم ئاڭلايدۇ؟ ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى ئېتىۋېتىلگەن، ئاڭلىيالمايدۇ. ئۇلار سېنىڭ سۆزلىرىڭنى كۆزگە ئىلمايدۇ، پەقەت ئاڭلاشنى خالىمايدۇ. ئەي پەرۋەردىگار، مەن ساڭا ئوخشاشلا غەزەپكە تولدۇم، ھەقىقەتەن چىدىيالمىدىم.» پەرۋەردىگار مۇنداق جاۋاب بەردى: «غەزىپىڭنى كوچىدا ئويناۋاتقان بالىلارغا ۋە توپلاشقان ياشلارغا چاچ. غەزىپىڭنى ئەرلەر ۋە ئاياللار، شۇنىڭدەك ياشانغانلارغىمۇ چاچ. ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى باشقىلار ئىگىلىۋالغاندەك، يەرلىرى ۋە ئاياللىرىنىمۇ باشقىلار ئىگىلىۋالىدۇ. چۈنكى مەن بۇ زېمىندا ياشاۋاتقانلارغا قارشى قولۇمنى كۆتۈرىمەن. بۇ سۆزلەرنى مەن پەرۋەردىگار ئېيتىۋاتىمەن! ئۇلارنىڭ ئاددىي كىشىلىرىدىن تارتىپ كاتتا ئەربابلىرىغىچە ھەممىسى ھارام بايلىقنىڭ كويىدا يۈرىدۇ، پەيغەمبەرلەردىن تارتىپ روھانىيلارغىچە ھەممىسى ئالدامچىلىق قىلىدۇ. ئۇلار خەلقىمنىڭ يارىسىغا سەل قاراپ: ‹ھەممە ئىش ياخشى! ھەممە ئىش جايىدا!› دەپ، قولىنىڭ ئۇچىدىلا داۋالايدۇ. بىراق ئىشلار ئۇلار دېگەندەك ئەمەس. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىلغان يىرگىنچلىك ئىشلىرى ئۈچۈن خىجىل بولدىمۇ؟ ياق! ئۇلار پەقەتلا خىجىل بولمىدى. ئۇلار ھەتتا ئۇيىلىپ قىزىرىشنىمۇ بىلمەيدۇ! شۇڭا ئۇلار خۇددى باشقىلارغا ئوخشاش ھالاك بولىدۇ. مەن ئۇلارنى جازالىغاندا، ئۇلار چوقۇم ۋەيران بولىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!» پەرۋەردىگار خەلققە مۇنداق دېدى: «سىلەر تۆت كوچىدا تۇرۇۋاتىسىلەر، شۇڭا يولۇڭلارنى كۆزىتىڭلار. كونا، ئىشەنچلىك يولنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى سوراڭلار. قايسى يولنىڭ بەخت-سائادەتكە باشلايدىغانلىقىنى سوراپ، شۇنىڭغا ئەگىشىڭلار. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، قەلبىڭلار ئارام تاپىدىغان جاينى تاپالايسىلەر. بىراق خەلقىم: ‹بىز پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا ماڭمايمىز!› دېدى. مەن پەيغەمبەرلەرنى جېسەكچىلەردەك سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشقا تەيىنلەپ، ‹بۇرغا ئاۋازىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا دىققەت قىلىڭلار!› دېدىم. بىراق خەلقىم: ‹بىز ئاڭلىمايمىز› دېدى. شۇڭا، ئەي ئەللەر، قۇلاق سېلىڭلار! خەلقىمگە نېمە بولىدىغانلىقىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈڭلار. ئەي جاھان ئەھلى، قۇلاق سېلىڭلار! خەلقىمگە بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىمەن. ئۇلار ھىيلىگەرلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، جازالايدىغان ۋاقتىم كەلدى. چۈنكى ئۇلار مېنىڭ سۆزلىرىمگە پەرۋا قىلمىدى، قانۇنلىرىمنى رەت قىلدى. ئۇلار ماڭا شىبادىن كەلتۈرۈلگەن مەستىكى رۇمى ياكى يىراق جايلاردىن كەلتۈرۈلگەن پۇراقلىق ئېگىر كۆيدۈرسىمۇ، كارىم يوق! مەن ئۇلارنىڭ ماڭا سۇنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنى قوبۇل قىلمايمەن. مەن ئۇلارنىڭ ماڭا ئاتىغان قۇربانلىقلىرىدىن خۇشال بولمايمەن. شۇڭا، مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: مەن چوقۇم بۇ كىشىلەرنىڭ يولىغا پۇتلىشىدىغان توسالغۇ قويىمەن. ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار ئۇلارغا پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشىدۇ. دوست-بۇرادەرلەر ۋە قولۇم-قوشنىلارمۇ ۋەيران بولىدۇ.» پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: «قاراڭلار! شىمالدىن بىر كۈچلۈك قوشۇن كېلىۋاتىدۇ! ئەڭ يىراق زېمىندىكى بىر چوڭ خەلق سىلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرى ئوقيا ۋە نەيزىلەر بىلەن قوراللانغان. ئۇلار ناھايىتى ۋەھشىي بولۇپ، ئۇلاردا مېھىر-شەپقەت يوقتۇر. ئۇلار ئۇچقۇر ئاتلارغا مىنىپ ئالغا ئىلگىرىلىگەندە، خۇددى دېڭىزنىڭ شاۋقۇنلىرىدەك ئاۋاز چىقىرىدۇ. ئەي سىئون، ئۇلار سىلەرگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن سەپ تۈزمەكتە.» يېرۇسالېم ئاھالىلىرى نالە قىلىشىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئۇلار توغرىسىدا ئاڭلىغان! بىز قورقۇنچ ئىچىدە يار-يۆلەكسىز قالدۇق! ئازاب بىزنى چىرمىۋالدى. بىز خۇددى تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان ئايالدەك قىينىلىۋاتىمىز! ئېتىزغا بارماڭلار، يوللاردا يۈرمەڭلار! چۈنكى ئۇ يەرلەردە قىلىچ تۇتقان دۈشمەنلەر بار، ھەممە يەرنى ۋەھىمە باسقان.» شۇنىڭ بىلەن مەن دېدىم: «ئەي، مېنىڭ قەدىرلىك خەلقىم، ماتەملىك كىيىمىڭلارنى كىيىپ، كۈلگە مىلىنىپ، قايغۇ-ھەسرەتكە چۆمۈڭلار. خۇددى يالغۇز بالاڭلارنى يوقىتىپ قويغاندەك قاتتىق قايغۇرۇڭلار. چۈنكى ۋەيران قىلغۇچى قوشۇن ناھايىتى تېزلا كېلىپ، بىزگە ھۇجۇم قىلىدۇ.» پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «خەلقىم مېتالدۇر، سېنى مېتال تەكشۈرگۈچى قىلدىم. سەن ئۇلارنىڭ يوللىرىنى كۆزىتىپ، تەكشۈرۈپ تۇرىسەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى جاھىل، ئاسىيلاردۇر! ئۇلارنىڭ يۈرىكى تۇچ ياكى تۆمۈرگە ئوخشاش قاتتىق. ئۇلار باشقىلارغا تۆھمەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى چىرىكلەشكەن. ئوت كۆرۈكتە پۈۋلەپ ئۇلغايتىلىدۇ، كۈمۈشتىن قوغۇشۇنلار شاللاپ چىقىرىۋېتىلىدۇ. لېكىن بۇ رەزىل خەلقنى تاۋلاشنىڭ پايدىسى يوق. چۈنكى مەينەتچىلىكلەرنى ئۇلاردىن چىقىرىۋەتكىلى بولمايدۇ. ئۇلار سۈپەتسىز كۈمۈشتۇر، شۇڭا مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى رەت قىلدىم.» پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا بىر ۋەھىي كەلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىسىدا تۇرۇپ، يەھۇدىيە خەلقىگە تۆۋەندىكى سۆزلەرنى جاكارلاشنى بۇيرۇدى: «ئەي بۇ يەرگە ئىبادەت قىلىشقا كىرگەن بارلىق يەھۇدىيە خەلقى، مەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار. بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. ئەگەر سىلەر يامان يولۇڭلاردىن يېنىپ، مېنىڭ يولۇمغا قايتساڭلار، مەن سىلەرنىڭ ئۆز زېمىنىڭلاردا ياشىشىڭلارغا يول قويىمەن. سىلەر: ‹پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى بۇ يەردە! پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى بۇ يەردە! شۇڭا بىز ئامان-ئېسەن بولىمىز!› دېگەن يالغان سۆزلەرگە ئىشەنمەڭلار. ئەگەر سىلەر ھەقىقەتەن يامان يولۇڭلاردىن يېنىپ، مېنىڭ يولۇمغا قايتساڭلار، بىر-بىرىڭلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلساڭلار، زېمىنىڭلاردا ياشاۋاتقان يات خەلقلەرنى، يېتىم بالىلارنى، تۇل ئاياللارنى بوزەك قىلمىساڭلار، بىگۇناھ ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈشتىن قول ئۈزسەڭلار، بۇت ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، ئۆزۈڭلارغا زىيان يەتكۈزمىسەڭلار، مەن سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلارغا مەڭگۈلۈك مۈلۈك قىلىپ بەرگەن بۇ زېمىندا داۋاملىق ياشىشىڭلارغا يول قويىمەن. قاراڭلار! سىلەر سىلەرنى قۇتقۇزالمايدىغان يالغان سۆزلەرگە ئىشىنىسىلەر. ئوغرىلىق، قاتىللىق، زىناخورلۇق قىلىسىلەر، قەسەم بەرگەندە يالغان سۆزلەيسىلەر، بائالنىڭ بۇتلىرىغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىسىلەر، ئۆزۈڭلار بىلمىگەن يات ئىلاھلارغا چوقۇنىسىلەر. ئاندىن سىلەر مېنىڭ نامىمغا ئاتالغان ئىبادەتخانامغا كېلىپ، مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا تۇرۇپ: ‹بۇ يەردە بىز تىنچ-ئامان!› دەيسىلەر. سىلەر ھەممە يىرگىنچلىك گۇناھلارنى قىلىپ تۇرۇپ، يەنە ئۆزۈڭلارنى ئامان-ئېسەن ھېس قىلامسىلەر؟ مېنىڭ نامىمغا ئاتالغان بۇ ئىبادەتخانا بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىمۇ؟ سىلەرگە ئېيتايكى، مەن سىلەرنىڭ قىلغان ھەرقانداق رەزىل ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىمەن. بۇرۇن مەن ماڭا ئىبادەت قىلىشىڭلارغا يول قويغان شىلوغا بېرىڭلار. خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ قىلغان رەزىل ئىشلىرى تۈپەيلىدىن، مېنىڭ ئۇ يەرنى قانداق ۋەيران قىلىۋەتكەنلىكىمنى كۆرۈڭلار. مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتىۋاتىمەن، سىلەر نۇرغۇن رەزىل ئىشلارنى قىلدىڭلار، مېنىڭ قايتا-قايتا ئېيتقان سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدىڭلار. مەن سىلەرنى توۋا قىلىشقا چاقىرغاندا، سىلەر جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدىڭلار! شۇڭا مەن، مېنىڭ نامىمغا ئاتالغان، سىلەر ‹بىزنى قوغدايدۇ› دەپ ئىشەنگەن بۇ ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىمەن. مەن سىلەرگە ۋە ئەجدادلىرىڭلارغا بەرگەن بۇ يەرنى، شىلونى ۋەيران قىلغاندەك ۋەيران قىلىمەن. ھەمدە سىلەرنىڭ قېرىنداشلىرىڭلار بولغان ئىسرائىلىيەلىكلەرنى قوغلىغاندەك، سىلەرنىمۇ كۆز ئالدىمدىن قوغلاپ چىقىرىمەن.» ئاندىن پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: _ ئەي يەرەمىيا، بۇ خەلق ئۈچۈن دۇئا قىلما! ئۇلارنىڭ ئورنىدا ماڭا يىغلاپ ئىلتىجا قىلما! ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ھەققىدە مەندىن ئۆتۈنمە. چۈنكى مەن دۇئايىڭنى ئاڭلىمايمەن. سەن ئۇلارنىڭ يەھۇدىيە شەھەرلىرىدە ۋە يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرىدا نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈڭمۇ؟ بالىلار ئوتۇن يىغىۋاتىدۇ، ئاتىلىرى ئۇنىڭ بىلەن ئوتلارنى يېقىۋاتىدۇ. ئاياللار «جەننەت خانىشى» دەپ ئاتالغان ئايال ئىلاھقا ئاتاپ پېچىنە-پىرەنىكلەر پىشۇرۇش ئۈچۈن خېمىر يۇغۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلار يەنە باشقا ئىلاھلارغا ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇنۇۋاتىدۇ. ئۇلار ھەممە ئىشلارنى مېنى غەزەپلەندۈرۈش ئۈچۈن قىلدى. بۇ قىلمىشلىرى بىلەن ئۇلار ماڭا ئەمەس، ئۆزلىرىگە زەرەر كەلتۈرمەكتە. ئۇلار ئۆزلىرىنى شەرمەندە قىلماقتا! شۇڭا مەن دەيمەنكى، مەن غەزەپ-نەپرىتىمنى بۇ زېمىنغا، يەنى بۇ زېمىندىكى ئىنسانلار، ھايۋاناتلار، شۇنداقلا دەل-دەرەخلەر ۋە زىرائەتلەرگە ياغدۇرىمەن. غەزەپ-نەپرىتىم ئۆچۈرگىلى بولمايدىغان ئوتتەك يالقۇنلايدۇ. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر كۆيدۈرمە ۋە باشقا قۇربانلىقىڭلارنى ماڭا ئاتىماڭلار، ئېلىپ كېتىپ، ئۆزۈڭلار يەڭلار! مەن ئەجدادلىرىڭلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندا، ئۇلاردىن كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى ھەدىيە تەلەپ قىلمىغانىدىم. لېكىن مەن ئۇلارغا: ‹ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار، شۇندىلا مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن، سىلەر ھەم مېنىڭ خەلقىم بولىسىلەر، مەن باشلىغان يولدا ماڭساڭلار، ئىشلىرىڭلار راۋان بولىدۇ› دەپ بۇيرۇغانىدىم. لېكىن ئۇلار ماڭا ئىتائەت قىلمىدى، سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدى. ئەكسىچە ئۆزلىرىنىڭ رەزىل كۆڭۈللىرىدىكى جاھىل ئىستەكلىرىگە ئەگەشتى. ئۇلار ئالدىغا ماڭماي ئارقىغا چېكىنىپ كەتتى. ئەجدادلىرىڭلار مىسىردىن ئايرىلغاندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە، سىلەرگە خىزمەتكارىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى قايتا-قايتا ئەۋەتتىم. لېكىن ھېچقايسىڭلار سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدىڭلار، ھەتتا ئېتىبارمۇ قىلمىدىڭلار. سىلەر ئەجدادلىرىڭلارغا قارىغاندا تېخىمۇ جاھىل ۋە ئاسىي بولدۇڭلار.» پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ سەن مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئۇلارغا يەتكۈزگىنىڭدە، ئۇلار ساڭا قۇلاق سالمايدۇ، ئۇلارنى چاقىرغىنىڭدا، ئۇلار ئۈندىمەيدۇ. شۇڭا ئۇلارغا: «سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىتائەت قىلمايدىغان، تەنبىھنى قوبۇل قىلمايدىغان بىر خەلقتۇرسىلەر. سىلەرنىڭ ھېچبىرىڭلاردىن ھەقىقەتنى تاپقىلى بولمايدۇ. ئاغزىڭلاردىن ھەق سۆز چىقمايدۇ. شۇڭا ئەي يېرۇسالېملىقلار، ماتەم تۇتۇپ، چاچلىرىڭلارنى چۈشۈرۈۋېتىڭلار! تاقىر تاغلارغا چىقىپ ماتەم ناخشىسىنى ئېيتىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار غەزەپلىنىپ، بۇ ئەۋلاد كىشىلەرنى رەت قىلدى ۋە ئۇلارنى تاشلىۋەتتى» دېگىن. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ خەلق كۆز ئالدىمدا رەزىل ئىشلارنى قىلدى. ئۇلار يىرگىنچلىك بۇتلىرىنى نامىمغا ئاتالغان ئىبادەتخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇ يەرنى بۇلغىدى. ئۇلار بەنھىننوم جىلغىسىنىڭ توفەت دېگەن يېرىگە سەجدىگاھلارنى سېلىپ، ئۇ يەردە ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىنى قۇربانلىق قىلىپ كۆيدۈردى! مەن ئۇلارنىڭ بۇنداق قۇربانلىق قىلىشىنى ئەمر قىلمىغانىدىم. ھەتتا ئۇنداق قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم. شۇڭا ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇ يەر ئۇزۇنغا قالماي توفەت ياكى بەنھىننوم جىلغىسى دەپ ئاتالمايدۇ، بەلكى ‹قىرغىنچىلىق جىلغىسى› دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ يەردە جەسەتلەرنى كۆمگۈدەك يەرمۇ قالمايدۇ. بۇ خەلقنىڭ جەسەتلىرى قاغا-قۇزغۇنلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارغا يەم بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارنى قوغلىۋېتىدىغان ھېچكىم يوقتۇر. مەن يەھۇدىيەنىڭ شەھەرلىرى ۋە يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرىدىكى خۇشاللىق سادالىرىنى، كۈلكە ئاۋازلىرىنى ۋە توي تەنتەنىلىرىنى يوق قىلىمەن. بۇ زېمىن قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ.» پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئاشۇ ۋاقىت كەلگەندە، يەھۇدىيە پادىشاھلىرى، ئەمەلدارلىرى، روھانىيلىرى، پەيغەمبەرلىرى ۋە يېرۇسالېم خەلقىنىڭ سۆڭەكلىرى گۆرلىرىدىن تارتىپ چىقىرىلىدۇ. سۆڭەكلىرى بۇرۇن ئۆزلىرى سۆيۈپ، چوقۇنۇپ، سەجدە قىلغان، يول كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىپ، ئىبادەت قىلغان قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلار ئاستىدا چېچىلىپ ياتىدۇ. بۇلار ھەرگىزمۇ قايتا يىغىلىپ كۆمۈلمەيدۇ. ئۇلار خۇددى گەندىدەك تاشلىنىپ قالىدۇ. بۇ رەزىل خەلقنىڭ ھايات قالغانلىرى سۈرگۈن قىلغان يەرلەردە ياشاشتىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل كۆرىدۇ. بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!» پەرۋەردىگار تۆۋەندىكى سۆزلەرنى خەلققە يەتكۈزۈشۈمنى بۇيرۇدى: «يىقىلغان ئادەم ئورنىدىن تۇرمامدۇ؟ يولدىن ئاداشقان ئادەم كەينىگە يانمامدۇ؟ نېمىشقا بۇ خەلق دائىم يولۇمدىن چەتنەپ كېتىدۇ؟ نېمىشقا يېرۇسالېم خەلقى ھەمىشە مەندىن يۈز ئۆرۈيدۇ؟ ئۇلار ئالدىنىشقا رازىكى، يولۇمغا قايتىشنى خالىمايدۇ. مەن دىققەت قىلىپ، ئاڭلىدىم. ئۇلار ھەققانىي ئىشلارنى سۆزلىمەيدۇ. ھېچكىم: ‹مەن نېمە قىلدىم؟› دەپ رەزىل قىلمىشلىرىغا پۇشايمان قىلىپ باقمايدۇ. خۇددى جەڭ ئاتلىرى ئۇرۇش مەيدانىغا چاپقاندەك، ھەربىرى ئۆز يوللىرىدا چېپىپ يۈرۈۋېرىدۇ. ھەتتا لەيلەك قۇشلىرىمۇ قاچان كېتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، پاختەكلەر، قارلىغاچلار ۋە تۇرنىلارنىڭ ھەممىسى كۆچىدىغان ۋاقتىنىڭ قاچانلىقىنى بىلىدۇ، بىراق مېنىڭ خەلقىم مېنىڭ قائىدە-نىزاملىرىمنى بىلمەيدۇ. سىلەر قانداقمۇ: ‹بىز ئەقىللىق! بىزدە پەرۋەردىگارنىڭ تەلىملىرى بار› دەپ ئېيتالايسىلەر؟ ئۇستازلىرىڭلار بۇلارنى ئۆز قەلەملىرى بىلەن ئۆزگەرتىپ، يالغاننى يازدى. دانالار نومۇسقا قېلىپ، ساراسىمىگە چۈشۈپ، قىلتاققا ئىلىندى. ئۇلار مېنىڭ سۆزلىرىمنى رەت قىلغان تۇرسا، ئۇلاردا قانداقمۇ ئەقىل-پاراسەت بولسۇن؟ شۇڭا مەن ئۇلارنىڭ ئاياللىرىنى باشقا ئەرلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى يېڭى ئىگىلىرىگە بېرىمەن. ئۇلارنىڭ ئاددىي كىشىلىرىدىن تارتىپ كاتتا ئەربابلىرىغىچە ھەممىسى ھارام بايلىقنىڭ كويىدا يۈرىدۇ، پەيغەمبەرلەردىن تارتىپ روھانىيلارغىچە ھەممىسى ئالدامچىلىق قىلىدۇ. ئۇلار خەلقىمنىڭ يارىسىغا سەل قاراپ ‹ھەممە ئىش ياخشى! ھەممە ئىش جايىدا!› دەپ، قولىنىڭ ئۇچىدىلا داۋالايدۇ. بىراق ئىشلار ئۇلار دېگەندەك ئەمەس. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىلغان يىرگىنچلىك ئىشلىرى ئۈچۈن خىجىل بولدىمۇ؟ ياق! ئۇلار پەقەتلا خىجىل بولمىدى. ئۇلار ھەتتا ئۇيىلىپ، قىزىرىشنىمۇ بىلمەيدۇ! شۇڭا ئۇلار خۇددى باشقىلارغا ئوخشاش ھالاك بولىدۇ. مەن ئۇلارنى جازالىغاندا، ئۇلار چوقۇم ۋەيران بولىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!» پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇلارنىڭ ھوسۇللىرىنى ئېلىپ كېتىمەن. ئۈزۈم تاللىرى ھوسۇل بەرمەيدۇ. ئەنجۈر دەرەخلىرىدە مېۋە قالمايدۇ، يوپۇرماقلىرى قۇرۇپ كېتىدۇ. ئۇلارغا بەرگەنلىرىم ئېلىپ كېتىلىدۇ.» كىشىلەر دەيدۇ: «بىز نېمىشقا بۇ يەردە ئولتۇرىمىز؟ مۇستەھكەم شەھەرلەرگە بېرىپ، توپلىنايلى. ئەگەر بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزنى ئۆلۈشكە بۇيرۇغان تەقدىردىمۇ، ھېچ بولمىغاندا ئۇ يەردە ئۇرۇش قىلىپ ئۆلەيلى. پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكىمىز ئۈچۈن، ئۇ بىزگە زەھەر بىلەن تولغان قەدەھنى ئىچىشكە بەردى. بىز تىنچلىقنى ئىزدىدۇق، لېكىن ھېچبىر ياخشى ئىش يۈز بەرمىدى. جاراھەتلىرىمىزنىڭ ساقىيىدىغان ۋاقتىنى كۈتكەنىدۇق، ئەمما ۋەھىمىدە قالدۇق. دۈشمەن ئاتلىرىنىڭ كىشنەشلىرى ئاللىقاچان دان شەھىرىگە ئاڭلاندى. ئايغىرلىرىنىڭ كىشنىگەن ئاۋازلىرى پۈتۈن زېمىندىكىلەرنى قورقۇتۇپ تىترەتتى. ئۇلار بۇ زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەرنى گۇمران قىلىشقا كېلىدۇ! ئۇلار بۇ شەھەرنى ۋە بۇ شەھەردە ياشاۋاتقانلارنى ۋەيران قىلماقچى!» پەرۋەردىگار خەلقىگە مۇنداق دېدى: «ھەقىقەتەن شۇنداق! مەن سىلەرگە قارشى دۈشمەنلەرنى ئەۋەتىمەن. ئۇلار خۇددى زەھەرلىك يىلانلارغا ئوخشايدۇ، ئۇلارنى ئەپسۇن بىلەنمۇ ھەيدىۋەتكىلى بولمايدۇ، ئۇلار سىلەرنى ۋەيران قىلىدۇ.» مېنىڭ قايغۇ-ھەسىرەتلىرىمگە داۋا يوق! يۈرىكىم قاتتىق ئازابلىنىۋاتىدۇ. قەدىرلىك خەلقىمنىڭ بۇ زېمىننىڭ ھەممە يەرلىرىدە يىغلاۋاتقىنىنى ئاڭلىدىم. ئۇلار: «سىئوندا ئەمدى پەرۋەردىگار يوقمۇ؟ سىئوننىڭ پادىشاھى ئەمدى بۇ يەردە تۇرمامدۇ؟» دەپ يىغلايدۇ. پەرۋەردىگار: «ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئۇلار يات ئەللەرنىڭ ئەرزىمەس بۇتلىرىغا چوقۇنۇپ، غەزىپىمنى قوزغايدۇ؟» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. كىشىلەر نالە قىلىپ: «ياز ئۆتۈپ، ھوسۇل ئالىدىغان ۋاقىتمۇ ئاياغلاشتى. بىراق بىز تېخى قۇتقۇزۇلمىدۇق» دېيىشىدۇ. خەلقىمنىڭ ۋەيران بولغانلىقىدىن، يۈرىكىم لەختە بولدى. مەن قايغۇردۇم، بەكمۇ ھودۇقۇپ كەتتىم. گىلئادتا شىپالىق مەلھەم يوقمۇ؟ ئۇ يەردە تېۋىپ يوقمۇ؟ نېمە ئۈچۈن خەلقىم تېخىچە ساقايمايدۇ. بېشىم قۇدۇق، كۆزلىرىم بۇلاق بولغاي، ئۆلتۈرۈلگەن خەلقىمگە كېچە-كۈندۈز يىغلاي. ئاھ، خەلقىمدىن ئايرىلىپ، ئۇلارنى ئۇنتۇپ كېتەي. چۆللەرنى ماكان قىلاي. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇددى زىناخورلاردەك خۇداغا ساداقەتسىزلىك قىلغان خەلقتۇر. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ تىللىرى خۇددى ئوقيادەك ئەجەللىكتۇر. يالغانچىلىق ۋە سەمىمىيەتسىزلىك بۇ زېمىننى قاپلىغان. ئۇلار ئارقا-ئارقىدىن يامان ئىش قىلىدۇ، مېنى تونۇمايدۇ. ھەممە ئادەم دوست-بۇرادەرلىرىدىن پەخەس بولسۇن. ھەتتا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغىمۇ ئىشەنمىسۇن. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىنى ئالداشنىڭ كويىدا ھەمدە دوستلارمۇ ئۆزئارا تۆھمەت قىلىشىدۇ. ئۇلار بىر-بىرىنى ئالدايدۇ ۋە ھېچكىم راست گەپ قىلمايدۇ، بۇ ئادەملەر ئېغىزلىرىنى يالغان سۆزلەشكە ئۆگىتىدۇ. ئۇلار گۇناھ قىلىدۇ ۋە ئۇنى توختىتىشقا قۇربى يەتمەيدۇ. ئۇلار ئارقا-ئارقىدىن زوراۋانلىق ۋە ئالدامچىلىق قىلىدۇ. ئۇلار مېنىڭ خۇدا ئىكەنلىكىمنى بىلىشنى رەت قىلىدۇ.» شۇنىڭ ئۈچۈن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھازىر ئۇلارنى ئازاب ئوتىدا تاۋلايمەن ۋە سىنايمەن. خەلقىمنىڭ رەزىل قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن مۇشۇنداق قىلىشتىن باشقا ئامالىم يوق. ئۇلارنىڭ تىللىرى زەربىلىك ئوقيالارغا ئوخشايدۇ، ئۇلار ھەمىشە يالغان سۆزلەيدۇ. قوشنىلىرىغا دوستانە سۆزلەرنى دەيدۇ-يۇ، ئەمما قەلبىدە قىلتاق قويۇشنى ئويلايدۇ. شۇڭا مەن پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، ئۇلارنى مۇشۇ رەزىل قىلمىشلىرى ئۈچۈن جازالايمەن. مۇشۇنداق بىر خەلقتىن قىساس ئالمامدىمەن؟» مەن مۇنداق دېدىم: «تاغلار ئۈچۈن نالە قىلىپ ياش تۆكىمەن. مەن كەڭ كەتكەن يايلاقلار ئۈچۈن ماتەم تۇتىمەن. ئۇلار ۋەيران بولغانلىقىدىن ھېچكىم ئۇ يەرلەردىن ئۆتمەيدۇ. كالىلارنىڭ مۆرەشلىرى ئاڭلانمايدۇ. ھەتتا ئاسماندا ئۇچۇۋاتقان قۇشلار ۋە دالالاردىكى ياۋايى ھايۋانلارمۇ قېچىپ كېتىدۇ.» پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن يېرۇسالېمنى بىر خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن، ئۇ يەرنى چىلبۆرىلەر ماكان قىلىدۇ. مەن يەھۇدىيە شەھەرلىرىنى ۋەيران قىلىمەن، ھېچكىم ئۇ يەرلەردە ياشىيالمايدۇ.» مەن مۇنداق دەپ سورىدىم: «كىمنىڭ ئەقىل-پاراسىتى بۇنداق بالايىئاپەتنى چۈشىنىشكە قادىر؟ كىم پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسەتمىسى ئارقىلىق ئۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ؟ نېمىشقا بۇ زېمىن خاراب بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بۇ زېمىن ئادەم ئاياغ باسمايدىغان قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ؟» پەرۋەردىگار مۇنداق جاۋاب بەردى: «بۇ خەلق مېنىڭ ئۇلارغا چۈشۈرگەن قانۇنلىرىمنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، مۇشۇ ئىشلار يۈز بەردى. ئۇلار ماڭا بويسۇنمىدى، يولۇمدا ماڭمىدى. ئەكسىچە جاھىللارچە ئۆزلىرىنىڭ يامان نىيەتلىرىگە ئەگىشىپ، بائالنىڭ بۇتلىرىغا چوقۇنۇشتى. ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ئۇلارغا مۇشۇنداق قىلىشنى ئۆگەتكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيمەن: ‹كۆرۈپ تۇرۇڭلاركى، بۇ خەلققە ئەمەندەك بەتتەم تائام يېگۈزىمەن ۋە زەھەرلىك سۇ ئىچكۈزىمەن. مەن ئۇلارنى ھەتتا ئاتا-بوۋىلىرىمۇ بىلمەيدىغان ئەللەر ئارىسىغا چېچىۋېتىپ، تاكى ئۇلار ھالاك بولغۇچە دۈشمەنلەرنى ئەۋەتىپ قوغلىتىمەن.›» قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ئېيتقانلىرىمنى ياخشى ئويلاپ كۆرۈڭلار! يىغىچى ئاياللارنى چاقىرىپ كېلىڭلار، ئۇلارنىڭ ئەڭ ماھىرلىرى كەلسۇن. كۆزلىرىڭلاردىن ياشلار تاراملاپ چۈشكۈچە، ئۇلار تېز كېلىپ سىلەر ئۈچۈن نالە-پەرياد قىلسۇن. يېرۇسالېم خەلقىنىڭ ئۈمىدسىزلىنىپ يىغلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاڭلار: ‹بىز پۈتۈنلەي گۇمران بولۇپ، نومۇستا قالدۇق! ئۆيلىرىمىز بۇزۇۋېتىلگەچكە، ئۆز زېمىنىمىزدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدۇق!›» مەن مۇنداق دېدىم: «ئەي يىغلاۋاتقان ئاياللار، ھازىر پەرۋەردىگارنىڭ نېمە دېگىنىنى ئاڭلاڭلار. قۇلىقىڭلارنى دىڭ تۇتۇپ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان سۆزلەرنى تىڭشاڭلار. قىزلىرىڭلارغا نالە-پەرياد قىلىشنى ئۆگىتىڭلار ھەمدە ھەربىرىڭلار قوشناڭلارغا ماتەم ناخشىسىنى ئۆگىتىڭلار. چۈنكى ئۆلۈم بىزنىڭ دېرىزىلىرىمىزدىن يامىشىپ، قورغانلىرىمىزغا كىرىپ كەلمەكتە. ئۇ كوچىلاردا ئويناۋاتقان بالىلىرىمىزنى، شەھەر مەيدانلىرىدا توپلانغان ياشلىرىمىزنى ئېلىپ كەتتى. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹ئۆلگەن ئادەملەرنىڭ جەسەتلىرى خۇددى گەندىلەردەك ھەممە يەرلەرنى قاپلىغان. ئۇلار خۇددى ئورىۋېتىلگەن، ئەمما باغلانمىغان زىرائەتلەردەك يەرلەردە چېچىلىپ ياتىدۇ.›» پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «دانا كىشىلەر ئۆز دانالىقى ھەققىدە ماختانمىسۇن. كۈچلۈك ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ كۈچتۈڭگۈرلۈكى ھەققىدە ماختانمىسۇن. بايلار ئۆز بايلىقلىرى ھەققىدە ماختانمىسۇن. ماختىنىشقا توغرا كەلسە، مەن پەرۋەردىگارنى تونۇغانلىقى ۋە مېنى چۈشىنىدىغانلىقى بىلەن ماختانسۇن. ئۇلار مەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇ دۇنيادا مەڭگۈلۈك مۇھەببەت، ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئىش قىلىدىغانلىقىم بىلەن ماختانسۇن. مەن ھەم ئاشۇنداق ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەردىن خۇرسەن بولىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!» ئەي ئىسرائىل خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاڭلار. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «باشقا ئەللەرنىڭ بىمەنە ئېتىقاد يوللىرىغا ئەگەشمەڭلار. باشقا ئەللەر ئاسماندىكى غەيرىي بەلگىلەرنى كۆرۈپ، قورقۇنچقا چۈشسىمۇ، سىلەر بۇلارنى كۆرۈپ قايمۇقۇپ كەتمەڭلار! چۈنكى بۇ ئەللەرنىڭ ئېتىقاد يوللىرى ئەھمىيەتسىزدۇر. ئۇلار ئورمانلىقتىن بىر دەرەخنى كېسىدۇ، ھۈنەرۋەن ئەسۋاب ئارقىلىق ئۇنى بۇت قىلىپ ياسايدۇ. ئۇنى كۈمۈش ۋە ئالتۇن بىلەن زىننەتلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۆرۈلۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، بولقا ۋە مىخلارنى ئىشلىتىپ، ئۇنى چىڭىتىدۇ. بۇنداق بۇتلار قوغۇنلۇقتىكى قارانچۇقلارغا ئوخشايدۇ. ئۇلار سۆزلىيەلمەيدۇ، ئۇلار ماڭالمايدۇ، شۇڭا باشقىلار ئۇلارنى كۆتۈرۈپ يۆتكەيدۇ. ئۇلاردىن قورقماڭلار، سىلەرنى زەخىملەندۈرەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ سىلەرگە ياردەم قىلغۇدەك ھېچقانداق قۇدرىتى يوق.» مەن مۇنداق دېدىم: «ئى پەرۋەردىگار، ساڭا ئوخشايدىغان ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر، سەن ئۇلۇغسەن، سېنىڭ نامىڭ ئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىكتۇر. ئى بارلىق ئەللەرنىڭ پادىشاھى، بارلىق ئىنسانلار سەندىن ئەيمىنىشى كېرەك. چۈنكى سەن ھۆرمەتكە سازاۋەرسەن. ئەللەرنىڭ ئىچىدىكى دانا كىشىلەر ياكى پادىشاھلار بولسۇن، ساڭا تەڭداش بولىدىغانلىرى يوقتۇر. بۇ ئەللەرنىڭ ئادەملىرى ئەخمەق ھەم دۆتتۇر، ئۇلار ياغاچ بۇتلاردىن نېمىنى ئۆگىنەلەيدۇ؟ بۇ بۇتلارنى ياساش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن كۈمۈش تارشىشتىن، ئالتۇن ئۇفاز زېمىنىدىن ئېلىپ كېلىنگەن. بۇ بۇتلار ياغاچچى ۋە زەرگەرلەرنىڭ قول ھۈنىرىدۇر. ئۇلارغا كۆك ۋە سۆسۈن رەڭلىك كىيىملەر كىيگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇستا ھۈنەرۋەنلەر تەرىپىدىن ياسالغان. پەقەت پەرۋەردىگارلا بىردىنبىر ھەقىقىي خۇدادۇر. ئۇ ھاياتتۇر، مەڭگۈ پادىشاھتۇر. ئۇ ئاچچىقلانغاندا يەر-زېمىن تىترەيدۇ. ھېچقانداق ئەل ئۇنىڭ غەزىپىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. ئەي ئىسرائىل خەلقى، ئاشۇ ئەللەرگە جاكارلا: ‹بۇ بۇتلار ئاسمان ۋە زېمىننى ياراتمىغان. ئۇلار ئاسماننىڭ ئاستىدىكى زېمىندىن يوقىلىدۇ!› پەرۋەردىگار ئۆز قۇدرىتى بىلەن زېمىننى ياراتقاندۇر. ئۇ ئۆز دانالىقى بىلەن دۇنيانى بەرپا قىلغاندۇر، شۇنداقلا ئۆز ئەقلى بىلەن ئاسماننى يايغۇچىدۇر. ئۇ سۆزلىسە، ئاسمان گۈلدۈرلەپ يامغۇر ياغىدۇ. ئۇ زېمىننىڭ چېتىدىن بۇلۇتلارنى يۇقىرى ئۆرلىتىدۇ. ئۇ يامغۇر بىلەن چاقماقنى ئەۋەتىدۇ، ئامبىرىدىن شامالنى قويۇپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئالدىدا بارلىق ئىنسانلار ئەخمەق ۋە بىلىمسىزدۇر! بارلىق ھۈنەرۋەنلەر ئۆزلىرىنىڭ ياسىغان بۇتلىرى ئۈچۈن نومۇسقا قالىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ياسىغان بۇتلىرى بىر ئالدامچىلىقتۇر، بۇ بۇتلارنىڭ تىنىقى يوقتۇر. بۇ بۇتلار ئەرزىمەستۇر، ئۇلار مەسخىرىگە لايىقتۇر. ئۇلارنىڭ ۋەيران بولىدىغان ۋاقىت-سائىتى باردۇر. بىراق بىزنىڭ ئەجدادىمىز ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدا بۇ بۇتلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياراتقۇچىدۇر. بىز ئىسرائىل خەلقى ئۇنىڭغا مەنسۇپتۇرمىز. ئۇنىڭ نامى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردۇر.» ئى يېرۇسالېم خەلقى، دۈشمەنلىرىڭلار سىلەرنىڭ تۆت ئەتراپىڭلارنى قورشىۋالغان. يۈك-تاقلىرىڭلارنى يىغىشتۇرۇپ، بۇ زېمىندىن كېتىشكە تەييارلىنىڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگار: «مەن ھازىر بۇ زېمىندا ياشاۋاتقانلارنى تاشلىۋەتمەكچى. ئۇلارنىڭ باشلىرىغا كۈلپەت ياغدۇرىمەن، تاكى ئۇلار ھېس قىلىپ يەتكۈچە» دېدى. مەن ۋارقىراپ مۇنداق دېدىم: «ھالىمىزغا ۋاي، بىز يارىلاندۇق! جاراھەتلىرىمىز ئېغىر! بىز: ‹بۇ پەقەتلا بىر كېسەللىك، ئۇنىڭغا چىدىيالايمىز!› دەپ ئويلىغانىدۇق. بىراق بىزنىڭ چېدىرلىرىمىز بۇزۇۋېتىلدى. ئۇلارنى تۇتۇپ تۇرغان ئارغامچىلار ئۈزۈلدى. بىزنىڭ بالىلىرىمىز كەتتى ئەمدى قايتىپ كەلمەيدۇ. چېدىرلىرىمىزنى قايتا تىكلەپ، چېدىردىكى پەردىلەرنى ئاسىدىغان بىرمۇ ئادەم ھايات قالمىدى. بىزنىڭ يولباشچىلىرىمىز ئەخمەقتۇر، ئۇلار پەرۋەردىگاردىن يېتەكلەشنى ئۆتۈنمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، خەلقىمىز چېچىلىپ كەتتى. ئاڭلاڭلار! شەپە كېلىۋاتىدۇ. شىمالدىكى زېمىندىن كۈچلۈك بىر قوشۇننىڭ يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتىدۇ. ئۇلار كېلىپ يەھۇدىيە شەھەرلىرىنى ۋەيران قىلىدۇ. بۇ زېمىنلار پەقەتلا چىلبۆرىلەرنىڭ ماكانىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.» ئى پەرۋەردىگار، ماڭا مەلۇمكى، ھېچكىم ئۆز تەقدىرىگە ئۆزى ئىگە ئەمەس، ئۆز بېشىغا كېلىدىغان ئىشلارنى بەلگىلەشكە كىمنىڭ قۇربى يەتسۇن؟ ئى پەرۋەردىگار، خەلقىڭنى تەربىيەلىگىن، بىراق بىزگە غەزەپلەنگىنىڭدە، بىزنى بەك قاتتىق جازالىمىغايسەن، بولمىسا بىز تۈگىشىمىز. ساڭا ئېتىبار قىلمىغان ۋە ئىبادەت قىلمىغان ئەللەرگە غەزىپىڭنى ياغدۇرغىن. چۈنكى ئۇلار سېنىڭ خەلقىڭنى، يەنى ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى ۋەيران قىلدى. ئۇلار خەلقىڭنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىپ، ئۆي-ماكانلىرىنى خارابىلىككە ئايلاندۇردى. پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق دېدى: _ مېنىڭ ئەجدادلىرىڭلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلا ۋە ئۇلارنى يېرۇسالېم خەلقىگە، شۇنداقلا يەھۇدىيەنىڭ خەلقىگە يەتكۈزگىن. مەن پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ ئۇلارغا مۇنداق دېگەنلىكىنى ئېيتقىن: «كىمكى بۇ ئەھدىگە پۈتۈلگەن سۆزلەرگە بويسۇنمايدىكەن، ئۇنىڭغا لەنەت ياغسۇن. بۇ ئەھدە مەن سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلارنى مىسىردىن _ تۆمۈر تاۋلاش ئوچىقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققىنىمدا، ئۇلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىدۇر. مەن ئۇلارغا: ‹ئەگەر سىلەر ماڭا ئىتائەت قىلىپ، پۈتۈن ئەمرلىرىمگە بويسۇنساڭلار، سىلەر مېنىڭ خەلقىم بولىسىلەر، مەنمۇ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن› دەپ ئېيتقانىدىم. مەن سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلارغا بەرگەن سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىننى ئاتا قىلىش توغرىسىدىكى ۋەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم. سىلەر بۈگۈن ياشاۋاتقان بۇ زېمىن دەل شۇ زېمىندۇر». مەن: _ بەرھەق، ئى پەرۋەردىگار، دېگىنىڭدەك بولسۇن! _ دەپ جاۋاب بەردىم. پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ يەھۇدىيە شەھەرلىرى ۋە يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرىدا تۆۋەندىكى سۆزلەرنى جاكارلىغىن: «بۇ ئەھدىگە پۈتۈلگەن سۆزلەرگە قۇلاق سېلىڭلار، ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار! چۈنكى مەن ئەجدادلىرىڭلارنى ماڭا ئىتائەت قىلىشقا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ تۇردۇم. مەن ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان كۈندىن تارتىپ تاكى بۈگۈنگىچە قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇردۇم. لېكىن ئەجدادلىرىڭلار ماڭا ئىتائەت قىلمىدى، سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ رەزىل قەلبىدىكى جاھىل نىيەتلىرىگە ئەگەشتى. ئۇلار مەن ئۇلارنى ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇغان ئەھدىدىكى سۆزلەرگە ئەمەل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، ئەھدىدە يېزىلغان بارلىق قارغىشلار ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشتى.» پەرۋەردىگار ماڭا يەنە مۇنداق دېدى: _ يەھۇدىيە خەلقى ۋە يېرۇسالېم خەلقى ماڭا قارشى چىقىپ ئاسىيلىق قىلدى! ئۇلار مېنىڭ ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلمىغان ئاتا-بوۋىلىرىغا ئوخشاش ئەجدادلىرىنىڭ رەزىل يولىغا قايتىپ، باشقا ئىلاھلارنى ئىزدەپ، ئۇلارغا چوقۇندى. ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقىنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى بۇزدى. شۇڭا مەن پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇنداق دەيمەنكى، ئۇلارغا قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىمەن. ئۇلار يىغلاپ تۇرۇپ مەندىن ياردەم سورىسىمۇ، ئىلتىجالىرىنى ئاڭلىمايمەن. شۇنىڭ بىلەن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا جايلىرىدا ياشاۋاتقانلار بېرىپ، ئۆزلىرى قۇربانلىق سۇنغان ئاشۇ بۇتلىرىدىن يىغلاپ تۇرۇپ ياردەم سورايدۇ. ئەمما بۇ بۇتلار ئۇلارنى بالايىئاپەتتىن ھەرگىزمۇ قۇتقۇزۇپ قالالمايدۇ. ئەي يەھۇدىيەلىكلەر، قانچىلىك شەھىرىڭلار بولسا شۇنچىلىك بۇت ئىلاھىڭلار بار. يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرى قانچە كۆپ بولسا، سىلەرمۇ بائالنىڭ يىرگىنچلىك بۇتلىرى ئۈچۈن شۇنچە كۆپ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ياسىدىڭلار. ئەي يەرەمىيا، بۇ كىشىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلما! ماڭا يېلىنىپ، ئۇلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئىلتىجا قىلما! بالايىئاپەت بېشىغا كەلگەندە، ئۇلار مەندىن ياردەم تىلەپ ئىلتىجا قىلىدۇ. لېكىن مەن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالمايمەن. مېنىڭ ئەزىز خەلقىم شۇنچىۋالا رەزىل ئىشلارنى قىلغان تۇرسا، يەنە ئىبادەتخانامغا كېلىشكە نېمە ھوقۇقى بار؟ ماڭا قىلغان قۇربانلىقلىرى ئۇلارنى ۋەيرانچىلىقتىن ساقلاپ قالالامدۇ؟ ئۇلار قىلغان رەزىل ئىشلىرىدىن خۇشال بولدىغۇ! مەن پەرۋەردىگار بۇرۇن ئۇلارنى «ياخشى مېۋە بېرىدىغان بۈك-باراقسان زەيتۇن دەرىخى» دەپ ئاتىغانىدىم، لېكىن ھازىر مەن ئۇلارنى دەھشەتلىك ئوتتا كۆيدۈرۈپ، شاخلىرىنى قۇرۇتۇپ تاشلايمەن. مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆزۈم ئۆستۈرگەن بۇ زەيتۇن دەرىخىنى ۋەيران قىلىشقا ئىرادە قىلدىم. چۈنكى ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقى بائالنىڭ بۇتلىرىغا قۇربانلىق قىلىشتەك رەزىل ئىشلارنى قىلىپ، غەزىپىمنى قوزغىدى. پەرۋەردىگار كىشىلەرنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستىنى ماڭا ئاشكارىلىدى. ئۇ ماڭا، ئۇلارنىڭ ماڭا سۇيىقەست قىلماقچى بولغانلىقىنى كۆرسەتتى. مەن خۇددى بوغۇزلاشقا ئېلىپ مېڭىلغان ياۋاش قويغا ئوخشاپ قالغانىدىم. ئۇلارنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشىنى، يەنى ئۇلارنىڭ: «بۇ دەرەخنى كېسىپ، مېۋىلىرىنى كۆزدىن يوقىتايلى! كېلىڭلار، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، ئىسمىنى كىشىلەر ياد ئەتمەيدىغان قىلىۋېتەيلى!» دېگەنلىكىنى بىلمىگەنىدىم. ئى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، سەن ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلىسەن، كىشىلەرنىڭ قەلبى ۋە ئويلىرىنى سىنايسەن. مەن سېنىڭ ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالغىنىڭنى كۆرەي، چۈنكى مەن ساڭا ئەرز قىلىۋاتىمەن. ئاناتوت شەھىرىدىكى بەزى خەلقلەر تەھدىت سېلىپ: «پەرۋەردىگار نامىدىن ۋەھىي يەتكۈزۈشنى توختات! بولمىسا بىز سېنى ئۆلتۈرىمىز!» دەپ مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانىدى. شۇڭا قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: _ مەن چوقۇم ئۇلارنى جازالايمەن! ئۇلارنىڭ ياشلىرى ئۇرۇشتا ئۆلىدۇ. ئوغۇل-قىزلىرى ئاچارچىلىقتىن ئۆلىدۇ. ئاناتوتتىكى ئاشۇ سۇيىقەستچىلەرنىڭ بىرسىمۇ ھايات قالمايدۇ. جازالايدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلارنىڭ بېشىغا بالايىئاپەت ياغدۇرىمەن. ئى پەرۋەردىگار، مەن سەن بىلەن مۇنازىرىلەشكىنىمدە، سەن ھەر دائىم شۇنداق ئادىل بولۇپ كەلدىڭ. شۇنداقتىمۇ مەن سەن بىلەن يەنە ئادىللىقىڭ توغرىسىدا سۆزلەشمەكچىمەن. نېمە ئۈچۈن رەزىل ئادەملەرنىڭ ئىشى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بارلىق سەمىمىيەتسىز كىشىلەر راھەتتە ياشايدۇ؟ سەن ئۇلارنى دەرەخكە ئوخشاش تىكتىڭ ھەمدە ئۇلار يىلتىز تارتىپ، ئۆسۈپ، مېۋە بەردى. ئۇلار ئاغزىدىلا سېنىڭ ياخشىلىقىڭنى سۆزلەيدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ قەلبلىرى سەندىن يىراق. ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنى بىلىسەن. سەن مېنى كۆزىتىپ، ساڭا بولغان ئويلىرىمنى سىناپ تۇرىسەن. بۇ رەزىل كىشىلەرنى خۇددى بوغۇزلىغىلى ئېلىپ مېڭىلغان قويلاردەك سۆرەپ ئەكەتكەيسەن! ئۇلارنىڭ قاچان ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەيسەن! قاچانغىچە زېمىنىمىز قۇرغاقلىشىپ، دالالاردىكى ئوت-چۆپلەر قۇرۇپ كېتىدۇ؟ بۇ زېمىندا ياشايدىغانلارنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن، ھايۋانلار ۋە قۇشلار ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ. لېكىن بۇ كىشىلەر: «بىزنىڭ قىلغانلىرىمىزنى خۇدا كۆرمەيدۇ» دەيدۇ. پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق جاۋاب بەردى: _ ئەگەر سەن ئادەملەر بىلەن يۈگۈرۈپ بەسلەشكەندە ئۇلار سېنى ھاردۇرۇۋەتسە، ئۇنداقتا سەن قانداقمۇ ئاتلار بىلەن مۇسابىقىلىشەلەيسەن؟ ئەگەر سەن تۈز يەردە پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشسەڭ، ئىئوردان دەرياسىنى بويلاپ كەتكەن چاتقاللىقتا قانداق ماڭىسەن؟ ئەمەلىيەتتە، ھەتتا ئۆز ئاكا-ئۇكىلىرىڭ ۋە ئائىلەڭدىكىلەرمۇ ساڭا خىيانەت قىلىدۇ، ئۇلار ھەتتا سۇيىقەست ئويلاپ سېنى يوقاتماقچى بولىدۇ. شۇڭا ئۇلار ساڭا يېقىنچىلىق بىلەن گەپ قىلسىمۇ، ئۇلارغا ئىشەنمىگىن. مەن خەلقىمدىن ۋاز كېچىمەن. «ئۆز خەلقىم» دەپ ئاتىغان خەلقنى تاشلىۋېتىمەن. مەن ئەزىز خەلقىمنى ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. «ئۆز خەلقىم» دەپ ئاتىغان بۇ خەلق ئورمانلىقتىكى شىردەك ماڭا ئېتىلدى. ئۇلار ماڭا قاراپ ھۆركىرىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇلاردىن نەپرەتلىنىمەن. ئۆز خەلقىم خۇددى ياۋا ئىتلار ياكى قۇزغۇنلارغا ئوخشاش ماڭا ھۇجۇم قىلدى. ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا ئولجا ئىزدەپ يۈرگەن قاغا-قۇزغۇنلار ئولاشتى. پۈتكۈل ئەللەر ياۋايى ھايۋانلارغا ئوخشاش يىغىلسۇن. ئۇلار كېلىپ، بۇ خەلقىمنى يېۋەتسۇن! نۇرغۇن يات ئەللەرنىڭ ھۆكۈمرانلىرى مېنىڭ ئۈزۈمزارلىقىمنى ۋەيران قىلدى، زېمىنىمنى دەپسەندە قىلدى. ئۇلار مېنىڭ گۈزەل زېمىنىمنى قاقاس چۆللەرگە ئايلاندۇردى. ئۇلار مېنىڭ كۆز ئالدىمدىلا زېمىنىمنى قاقاس، قۇرغاق چۆللۈككە ئايلاندۇردى. پۈتكۈل زېمىن چۆللىشىپ كەتتى، لېكىن ھېچكىمنىڭ كارى بولمىدى. دۈشمەننىڭ لەشكەرلىرى تاقىر تاغلاردىن ئۆتۈپ كېلىدۇ. مەن پەرۋەردىگار بۇ قوشۇنلارنى قىلىچ قىلىپ ئىشلىتىمەن. ئۇلار پۈتكۈل زېمىننى جازالايدۇ، ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. مېنىڭ خەلقىم بۇغداي تېرىيدۇ، بىراق ئۇلار تىكەنلەردىن ھوسۇل ئالىدۇ. ئۇلار تاكى ھېرىپ چارچىغۇچە ئىشلەيدۇ، بىراق ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئۇلار مەن پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى تۈپەيلىدىن ھوسۇل ئالالماي ئۈمىدسىزلىنىدۇ. مەن پەرۋەردىگار، خەلقىمگە تەقسىم قىلىپ بەرگەن زېمىنغا ھۇجۇم قىلغان رەزىل قوشنا ئەللەر توغرىسىدا مۇنداق دەيمەنكى، مەن بۇ ئەللەرنى ئۆزلىرىنىڭ زېمىنلىرىدىن تەلتۆكۈس قوغلاپ چىقىرىمەن، شۇنداقلا ئۇ يەرلەرگە ئېلىپ كېتىلگەن يەھۇدىيە خەلقىنى ئازاد قىلىمەن. بىراق مەن بۇ قوشنا ئەللەرنى ھەيدىۋەتكەندىن كېيىن، يەنىلا ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىمەن. ئۇلارنى ئۆز زېمىنلىرىغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. مەن ھەربىر ئەل خەلقىنى ئۆز زېمىنىغا قايتۇرىمەن. بۇ ئەللەر ئىلگىرى خەلقىمگە بۇت بائال نامىدىن قەسەم قىلىشنى ئۆگەتتى. ئەگەردە بۇ ئەللەر خەلقىمگە ئوخشاش ماڭا ھەقىقىي ئىبادەت قىلىشنى ئۆگەنسە، ھەمدە مېنىڭ نامىمدىن: «مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلدۇق» دەيدىغان بولسا، ئۇلارنى خەلقىمنىڭ ئارىسىدا گۈللەندۈرىمەن. ئەمما ھەرقانداق ئەل خەلقى سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىسا، مەن ئۇلارنى پۈتۈنلەي يۇلۇپ تاشلاپ، ۋەيران قىلىۋېتىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. پەرۋەردىگار ماڭا: _ سەن بېرىپ، كەندىر رەخت سېتىۋېلىپ، ئۇنى بېلىڭگە پوتا قىلىپ باغلىغىن. ئۇنى سۇغا تەگكۈزۈپ قويمىغىن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنى بويىچە كەندىر رەخت سېتىۋالدىم ھەمدە ئۇنى بېلىمگە باغلىدىم. ئاندىن پەرۋەردىگار يەنە ماڭا: _ سەن بېلىڭگە باغلىۋالغان پوتىنى ئېلىپ، فاراھ دەرياسى بويىغا بارغىن. ئۇنى ئۇ يەردىكى تاشلارنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇپ قويغىن، _ دېدى. مەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنىدەك فاراھ دەرياسى بويىغا بېرىپ، ئۇنى يوشۇرۇپ قويدۇم. نۇرغۇن كۈنلەر ئۆتكەندىن كېيىن پەرۋەردىگار ماڭا: _ فاراھ دەرياسى بويىغا بېرىپ، ھېلىقى پوتىنى مەن ساڭا يوشۇرۇپ قويۇشنى ئېيتقان جايدىن ئېلىپ كەلگىن، _ دېدى. مەن فاراھ دەرياسى بويىغا بېرىپ، ھېلىقى پوتىنى يوشۇرۇپ قويغان جايدىن ئالدىم. لېكىن ئۇ پوتا چىرىپ كەتكەن بولۇپ، ھېچنېمىگە ئىشلەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى بايقىدىم. ئاندىن پەرۋەردىگاردىن ماڭا بۇ ۋەھىي كەلدى. پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ مەن يەھۇدىيەنىڭ ھاكاۋۇرلۇقىنى ۋە يېرۇسالېمنىڭ ئۇچىغا چىققان مەغرۇرلۇقىنى مۇشۇ پوتىدەك چىرىتىمەن. بۇ رەزىل خەلق مېنىڭ تەلىملىرىمگە بويسۇنۇشنى رەت قىلدى. ئۇلار جاھىللارچە ئۆزلىرىنىڭ يامان نىيەتلىرىگە ئەگىشىپ ماڭدى. باشقا ئىلاھلارنى ئىزدەپ، ئۇلارغا چوقۇندى ۋە سەجدە قىلدى. شۇڭا ئۇلار بۇ پوتىغا ئوخشاش ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدىغان نەرسىگە ئايلىنىدۇ. خۇددى پوتىنىڭ ئادەم بەدىنىگە چىڭ يېپىشىپ تۇرغىنىدەك، مەن پۈتكۈل ئىسرائىلىيە خەلقى ۋە يەھۇدىيە خەلقىنى ئۆزۈمگە يېقىن قىلىپ تاللىدىم. ئۇلارنى ئۆزۈمنىڭ ئەزىز خەلقى قىلىپ، ماڭا شان-شەرەپ، مەدھىيە ۋە ھۆرمەت ئەكېلىشنى كۈتكەنىدىم. ئەمما ئۇلار ماڭا ئىتائەت قىلىشنى خالىمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا مۇنداق دەيدۇ: ‹بارلىق شاراب ئىدىشلىرى شاراب بىلەن تولدۇرۇلىدۇ›». ئۇلار بەلكىم ساڭا: «بىزنى شاراب ئىدىشلىرىنىڭ شاراب بىلەن تولدۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، دەپ ئويلامسەن؟» دېيىشى مۇمكىن. ئاندىن ئۇلارغا مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنى ئېيتقىن: «مەن پات ئارىدا بۇ زېمىندا ياشىغان بارلىق كىشىلەرنى غەرق مەست قىلىۋېتىمەن. داۋۇتنىڭ تەختىدە ئولتۇرغان پادىشاھلاردىن تارتىپ، تاكى روھانىيلار، پەيغەمبەرلەر ۋە يېرۇسالېمنىڭ پۈتۈن پۇقرالىرىغىچە قاتتىق مەست قىلىمەن. ئاندىن مەن ئۇلارنى شاراب ئىدىشلىرى بىر-بىرىگە سوقۇلۇپ چېقىلغاندەك، بىر-بىرىگە قارشى ئۇرۇشقا سالىمەن، ئاتا-ئانا ۋە بالىلارنىمۇ شۇنداق قىلىمەن. ئۇلارغا ھېچقانداق ھېسداشلىق، ئىچ ئاغرىتىش ۋە شەپقەت كۆرسەتمەيمەن. ھېچقانداق نەرسە مېنىڭ ئۇلارنى ۋەيران قىلىشىمنى توسۇپ قالالمايدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.» مەن يەرەمىيا يەھۇدىيە خەلقىگە مۇنداق دېدىم: «قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭلار! ھاكاۋۇرلۇق قىلماڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنداق دېگەن. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى زۇلمەتكە دۇچار قىلىپ، قاراڭغۇ تۈنلەردە تاغلاردا پۇتلاشتۇرۇپ يىقىتىشتىن بۇرۇن، ئۇنى ئۇلۇغلاڭلار. بولمىسا سىلەر يورۇقلۇق ئىزدىگىنىڭلاردا، پەقەت خىرەلەشكەن قاراڭغۇلۇقتا قالىسىلەر. ئەگەر سىلەر يەنىلا سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىساڭلار، سىلەرنىڭ بۇ مەغرۇرلۇقۇڭلار ئۈچۈن، پەقەت مەنلا يالغۇز قايغۇرۇپ يىغلايمەن. قاتتىق يىغلايمەن، كۆزلىرىم ئازاب ياشلىرىغا تولىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى سۈرگۈن بولۇپ كېتىدۇ.» پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «پادىشاھ ۋە خان ئانىسىغا ئېيتقىن: ‹تەختلىرىڭلاردىن چۈشۈڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ بۈيۈك تاجلىرىڭلار بېشىڭلاردىن يۆتكىلىدۇ. نەگېب چۆللۈكىدىكى شەھەرلەر دۈشمەنلەرنىڭ مۇھاسىرىسىدە قېلىپ، دەرۋازىلىرى تاقىلىدۇ، ھېچكىم بۇ شەھەرلەرگە كىرەلمەيدۇ. يەھۇدىيە خەلقى ئەسىرگە ئېلىنىپ، ھەممىسى سۈرگۈن قىلىنىدۇ›». مەن يەرەمىيا مۇنداق دېدىم: «ئەي يېرۇسالېم، باق! شىمالدىن كېلىۋاتقان دۈشمەنلەرنى كۆر! ساڭا ئىشەنچ بىلەن ھاۋالە قىلىنغان ئادەملەر ھازىر قەيەردە؟ سېنى شۇنچە مەغرۇر قىلىۋەتكەن ئاشۇ پۇقرالىرىڭچۇ؟ پەرۋەردىگار سەن ‹دوستۇم› دەپ قارىغان ئاشۇ ئادەملەر ئارقىلىق سېنى باشقۇرسا، سەن نېمە دەيسەن؟ سەن تولغىقى تۇتقان ئايالدەك ئازابلانمامسەن؟ سەن بەلكىم ئۆزۈڭدىن: ‹نېمە ئۈچۈن بۇ كەلگۈلۈكنىڭ ھەممىسى ماڭا كېلىدۇ؟› دەپ سورايسەن. گۇناھلىرىڭنىڭ كۆپلۈكى تۈپەيلىدىن شۇنداق بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن كىيىملىرىڭ يىرتىلىپ، دەپسەندە قىلىندىڭ. بىر ئېفىيوپىيەلىك تېرىسىنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟ يىلپىز ئۆزىنىڭ تاغىل رەڭگىنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟ ياق! سىلەرمۇ ھەمىشە رەزىل ئىش قىلىشقا ئادەتلەنگىنىڭلار ئۈچۈن، ياخشى ئىش قىلىشنى ئۆگىنەلمەيسىلەر. چۈنكى سىلەر ھەمىشە رەزىل ئىش قىلىسىلەر.» پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە مۇنداق دېدى: «مانا بۇ، سىلەرنى قۇملۇقتىكى شامال پاخالنى چېچىۋەتكەندەك چېچىۋېتىشىمنىڭ سەۋەبىدۇر. بۇ سىلەرنىڭ تەقدىرىڭلار، مەن ئۇنى پېشانەڭلارغا پۈتتۈم. چۈنكى سىلەر مېنى ئۇنتۇپ، بۇت ئىلاھىڭلارغا چوقۇندۇڭلار. مەن سىلەرنىڭ كىيىملىرىڭلارنى يىرتىپ تاشلايمەن. ئۇياتلىق يېرىڭلار ئېچىلىپ قالىدۇ. مەن سىلەرنىڭ يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلغانلىقىڭلارنى كۆرگەن. مەن سىلەرنىڭ دالالاردا بۇزۇقچىلىق قىلغانلىقىڭلارنى، خۇددى ئەرنىڭ يات بىر ئايالنى شەھۋانىيلارچە قوغلىغىنىدەك ياكى ئايغىرنىڭ بايتالنى قوغلىغىنىدەك، بۇت ئىلاھلىرىڭلارنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇلارغا چوقۇنغانلىقىڭلارنى كۆردۈم. ئى يېرۇسالېم، ھالىڭغا ۋاي! قاچانغىچە مۇشۇنداق بۇلغىنىپ يۈرىسەن؟» بۇ يەرەمىياغا قۇرغاقچىلىق ئاپىتى توغرىسىدا پەرۋەردىگاردىن كەلگەن ۋەھىيدۇر: «يەھۇدىيە قايغۇ-ھەسرەت چېكىدۇ، ئۇنىڭ شەھەرلىرى سەكراتقا چۈشىدۇ. ئۇنىڭ پۇقرالىرى ئازابلىنىپ ياتىدۇ، يېرۇسالېم ياردەم سوراپ نالە قىلىدۇ. بايلار خىزمەتكارلىرىنى سۇغا ئەۋەتىدۇ. ئۇلار قۇدۇقلارغا بارىدۇ، ئەمما سۇ تاپالماي، ئىدىشلىرى قۇرۇق ھالدا قايتىپ كېلىدۇ. ئۇلار ئۈمىدسىزلىنىپ، ئازابلىنىپ، باشلىرىنى چاڭگاللىشدۇ. زېمىندا يامغۇر ياغمىغانلىقتىن، يەرلەر يېرىلىدۇ. دېھقانلار ئۈمىدسىزلىنىپ، باشلىرىنى چاڭگاللىشدۇ. ھەتتا بۇغىلارمۇ دالالاردا ئوت-چۆپلەر بولمىغانلىقتىن، يېڭى تۇغۇلغان بۇغىچاقلىرىنى تاشلىۋېتىدۇ. تاقىر تاغلىقلاردا ياۋا ئېشەكلەر ئۇسساپ كەتكەن چىلبۆرىلەردەك ھاسىرايدۇ. ئۇلار ئوت-چۆپ ئىزدەيدۇ، لېكىن ھېچنېمە تاپالمايدۇ، ھالسىزلىقتىن كۆزلىرى خىرەلىشىدۇ.» مەن مۇنداق دېدىم: «ئى پەرۋەردىگار، گەرچە گۇناھلىرىمىز بىزگە قارشى گۇۋاھلىق بەرسىمۇ، نام-شەرىپىڭ ئۈچۈن بىزگە ياردەم بەرگىن. بىز ھەقىقەتەن سەندىن قايتا-قايتا يۈز ئۆرۈدۇق، ساڭا قارشى گۇناھ قىلدۇق. سەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئۈمىدى، قىيىنچىلىق مەزگىللەردە بىزنى قۇتقۇزدۇڭ. لېكىن ھازىر نېمىشقا زېمىنىمىزدا يات ئادەمدەك تۇرىسەن، نېمە ئۈچۈن پەقەت بىر ئاخشاملا قونىدىغان يولۇچىدەك بولۇۋالىسەن؟ ئى پەرۋەردىگار، نېمىشقا قايمۇققان ئادەمگە ئوخشاپ قالدىڭ؟ نېمىشقا ئادەم قۇتقۇزالمايدىغان جەڭچىگە ئوخشايسەن؟ سەن ھەقىقەتەن بىز بىلەن بىللە، ھەمدە بىز ساڭا مەنسۇپ. بىزدىن ۋاز كەچمىگىن!» پەرۋەردىگار بۇ خەلق توغرىسىدا ماڭا مۇنداق دېدى: «ئۇلار مەندىن يىراقلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنى باشقۇرالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇلارنى ئەمدى ئۆز خەلقىم دەپ قوبۇل قىلمايمەن. ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ، گۇناھلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى جازالايمەن.» پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ بۇ خەلق ئۈچۈن دۇئا قىلما. ئۇلار روزا تۇتقان تەقدىردىمۇ، ئىلتىجالىرىنى ئاڭلىمايمەن. ئۇلارنىڭ ماڭا ئاتىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنى ۋە ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى قوبۇل قىلمايمەن. ئەكسىچە مەن ئۇلارنى ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە ھەر خىل كېسەللىكلەر بىلەن ۋەيران قىلىمەن. مەن مۇنداق دېدىم: _ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، قارا! ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا: «ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىق بېشىڭلارغا كەلمەيدۇ. پەرۋەردىگار سىلەرگە بۇ زېمىندا ئەبەدىي تىنچ-ئامانلىق ئاتا قىلىدۇ.» دەۋاتىدۇ. پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ بۇ پەيغەمبەرلەر مېنىڭ نامىم بىلەن يالغان سۆزلەۋاتىدۇ. مەن ئۇلارنى سۆزلەشكە ئەۋەتمىدىم ياكى سۆزلەشكە بۇيرۇمىدىم. مەن ئۇلارغا ھېچقانداق ۋەھىي چۈشۈرمىدىم. ئۇلار خۇدا تەرىپىدىن غايىبانە ئالامەت كۆرسىتىلگەنلىكىنى ئېيتىشىدۇ ۋە يۈز بېرىدىغان ئىشلار ھەققىدە ئالدىن بېشارەت بېرىشىدۇ، لېكىن بۇلار يالغاندۇر. ئۇلار پەقەت ئۆز ئىچىدىن ئويلاپ تاپقان يالغان ئىشلارنى سۆزلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، مەن ئۇلارغا ھېچقانداق ۋەھىي چۈشۈرمىسەممۇ، مېنىڭ نامىم بىلەن سۆزلىگەن بۇ يالغانچى پەيغەمبەرلەرنى جازالايمەن. ئۇلار: «ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىق كەلمەيدۇ» دەيدۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىقتا ئۆلىدۇ! ئۇلارنىڭ ۋەھىيلىرىگە قۇلاق سالغانلارمۇ ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىقنىڭ قۇربانلىرى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى يېرۇسالېم كوچىلىرىغا تاشلىنىدۇ. ھېچكىم ئۇلارنى، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئاياللىرى، ئوغۇل-قىزلىرىنىمۇ دەپنە قىلمايدۇ. مەن ئۇلارغا ۋەيرانچىلىق ياغدۇرىمەن، چۈنكى ئۇلار شۇنىڭغا لايىق. پەرۋەردىگار ماڭا، خەلقىمگە ئۆز دەردىمنى تۆكۈشنى بۇيرۇدى، شۇڭا مەن مۇنداق دېدىم: «كۆزلىرىمدىن كېچە-كۈندۈز توختىماي ياش ئاقتى. چۈنكى ئۆز قىزىمدەك قەدىرلىك بولغان خەلقىم جاراھەتلەندى. ئۇلار ئېغىر يارىلاندى. ئېتىزلىقلاردا دۈشمەنلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ جەسەتلىرىنى كۆرىمەن. شەھەر كوچىلىرىدا ئاچارچىلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن ئادەملەرنى كۆرىمەن. پەيغەمبەرلەر ۋە روھانىيلار خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئى پەرۋەردىگار، سەن يەھۇدىيەنى پۈتۈنلەي تاشلىۋەتتىڭمۇ؟ سەن سىئون خەلقىدىن نەپرەتلىنەمسەن؟ نېمە ئۈچۈن بىزنى ساقايغىلى بولمايدىغان ھالەتتە ئېغىر يارىلاندۇرىسەن؟ بىز تىنچلىقنى ئىزدىدۇق، لېكىن ھېچبىر ياخشى ئىش يۈز بەرمىدى. جاراھەتلىرىمىزنىڭ ساقىيىدىغان ۋاقتىنى كۈتكەنىدۇق، ئەمما ۋەھىمىدە قالدۇق. ئى پەرۋەردىگار، بىز رەزىللىكلىرىمىزنى بوينىمىزغا ئالىمىز، ئەجدادلىرىمىزنىڭ رەزىللىكلىرىنىمۇ ئىقرار قىلىمىز. بىز ساڭا قارشى گۇناھ سادىر قىلدۇق. ئۆز نام-شەرىپىڭ ئۈچۈن بىزدىن يۈز ئۆرۈمىگىن. سېنىڭ شان-شەرەپلىك تەختىڭ جايلاشقان يەرنى نومۇستا قالدۇرمىغىن. بىز بىلەن تۈزگەن ئەھدەڭنى ئەسلىگىن، ئەھدەڭنى بۇزمىغىن. يات ئەللەرنىڭ ئەرزىمەس بۇتلىرى يامغۇر ياغدۇرالامدۇ؟ ئاسماندىن ئۆزلۈكىدىن يامغۇر ياغامدۇ؟ ياق! پەقەت بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز خۇدا سەنلا شۇنداق قىلالايسەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ ئۈمىدىمىز سەندە، چۈنكى پەقەت سەنلا ھەممىگە قادىرسەن.» پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئەگەردە مۇسا بىلەن سامۇئىل ئالدىمدا تۇرۇپ، بۇ خەلق ئۈچۈن ماڭا ئىلتىجا قىلغان تەقدىردىمۇ، بۇ خەلققە ھېچقانداق مېھىر-شەپقەت كۆرسەتمەيتتىم. بۇ خەلق كەتسۇن! كۆزۈمدىن يوقالسۇن! ئەگەر ئۇلار سەندىن نەگە كېتىشلىرى كېرەكلىكىنى سورىسا، ئۇلارغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «كېسەل بىلەن ئۆلۈشكە بۇيرۇلغانلار كېسەل تارتىپ ئۆلىدۇ! ئۇرۇشتا ئۆلۈشكە بۇيرۇلغانلار ئۇرۇشتا ئۆلىدۇ! ئاچارچىلىقتىن ئۆلۈشكە بۇيرۇلغانلار ئاچارچىلىقتىن ئۆلىدۇ! سۈرگۈن بولۇشقا بۇيرۇلغانلار سۈرگۈن بولىدۇ!» مەن ئۇلارنى ئوخشىمىغان تۆت خىل ئاپەت بىلەن جازالايمەن: مەن ئۇرۇش قوزغاپ ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن. جەسەتلىرىنى ئىتلارغا تالىتىمەن. قاغا-قۇزغۇنلار ۋە ياۋايى ھايۋانلار ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى تىتىپ يەيدۇ. يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل پادىشاھلىقنىڭ خەلقلىرى ئىسرائىل خەلقى دۇچار بولغان پاجىئەلەرنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كېتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىيانىڭ ئوغلى ماناسسەنىڭ يېرۇسالېمدا قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن بولغاندۇر. ئى يېرۇسالېم، كىم ساڭا ئىچ ئاغرىتىدۇ؟ كىم سەن ئۈچۈن ھازا تۇتىدۇ؟ كىم ئاۋارە بولۇپ ئەھۋالىڭنى سورايدۇ؟ مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەپ ئېيتىمەنكى، سەن مەندىن ۋاز كېچىپ، يۈز ئۆرۈدۈڭ. شۇڭا، مەن ساڭا قارشى قولۇمنى كۆتۈرۈپ، سېنى ۋەيران قىلىمەن. ساڭا شەپقەت قىلىپ چارچىدىم. مەن ھەممە شەھەرلەردە خەلقىمنى بۇغداي سورۇغاندەك سورۇۋېتىمەن. ئۇلارنى بالىلىرىدىن جۇدا قىلىمەن. مەن ئۆز خەلقىمنى ۋەيران قىلماقچى، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ رەزىل يوللىرىدىن قايتمىدى. تۇل ئاياللار دېڭىز بويىدىكى قۇملاردىنمۇ كۆپ بولىدۇ. مەن چىڭقى چۈشتە ھالاك قىلغۇچىنى ئەۋەتىپ، ياشلارنى ھالاك قىلىمەن، ئۇلارنىڭ ئانىلىرىغا تۇيۇقسىز دەرد-ئەلەم ۋە قورقۇنچ سالىمەن. يەتتە بالىسى بار ئانا ھالسىزلىنىدۇ. ئۇنىڭ كۈنلىرى زۇلمەتكە ئايلىنىدۇ، ئۇلار خورلىنىپ، شەرمەندە بولىدۇ. ھايات قالغانلارنى دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قىلىچىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. مانا بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. مەن پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدىم: _ ھالىمغا ۋاي! نېمە ئۈچۈن ئانام مېنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغاندۇ؟ بۇ زېمىندىكى خەلقنىڭ ھەممىسى ماڭا قارشى چىقىپ، مەن بىلەن جېدەل قىلىدۇ. مەن ھېچكىمگە قەرز بەرمىگەن ۋە ھېچكىمدىن قەرز ئالمىغان. لېكىن ھەممە ئادەم مېنى قارغىشىدۇ. پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: _ ئەي يەرەمىيا، ھالىڭدىن مەن خەۋەر ئالىمەن. دۈشمەنلىرىڭ قىيىنچىلىق ۋە بالايىئاپەتكە ئۇچرىغاندا، يېنىڭغا كېلىپ، سەندىن ياردەم تەلەپ قىلىپ ئۆتۈنىدۇ. ئى يەھۇدىيە خەلقى، سىلەر تۆمۈر ۋە تۇچنى سۇندۇرالمىغاندەك، شىمالدىن كېلىۋاتقان تۆمۈر ۋە تۇچنىمۇ سۇندۇرالمايسىلەر. سىلەرنىڭ بايلىق ۋە مال-مۈلكۈڭلارنى ئۇلارغا ئولجا قىلىپ بېرىۋېتىمەن. سىلەرنىڭ بۇ زېمىندا قىلغان پۈتكۈل گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن، ئۇ نەرسىلەرنى بىكارغا بېرىۋېتىمەن. مەن سىلەرنى، سىلەر ئاڭلاپ باقمىغان بىر زېمىندا دۈشمەنلىرىڭلارغا قۇل قىلىپ بېرىمەن، چۈنكى غەزىپىم تېشىپ، ئوت بولۇپ ياندى، ئەمدى ئۇ سىلەرنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. مەن مۇنداق دېدىم: _ ئى پەرۋەردىگار، ماڭا نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىسەن، مېنى ئېسىڭدىن چىقىرىپ قويمىغايسەن ۋە ماڭا ياردەم قىلغايسەن. ماڭا زىيانكەشلىك قىلغانلاردىن قىساس ئالغايسەن. ئۇلارغا سەۋر-تاقەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈشىگە ۋاقىت بەرمىگەيسەن! ئېسىڭدە بولسۇنكى، مېنىڭ بۇنداق ئازابلارنى تارتىشىم سەن ئۈچۈندۇر. ئى پەرۋەردىگار، قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، سەن ماڭا گەپ قىلساڭ، مەن گېپىڭنى يېدىم، قەلبىم خۇشاللىق ۋە بەختگە تولدى. چۈنكى مەن ساڭا مەنسۇپمەن، كىشىلەر توپلىشىپ، خۇشال بولۇپ ئوينىغاندا، مەن ئەزەلدىن ئۇلارغا قوشۇلمىدىم، قولۇڭنى ئۈستۈمدە قويغانلىقىڭ ئۈچۈن يالغۇز ئولتۇردۇم، سەن مېنى بۇ كىشىلەرگە قارشى غەزەپكە تولدۇردۇڭ. نېمە ئۈچۈن مەن دائىم ئازاب چېكىمەن؟ نېمىشقا يارىلىرىمنى ساقايتمايسەن؟ نېمىشقا ئۇلار ساقايمايدۇ؟ سەن يازدا قۇرۇپ كېتىدىغان ئېرىققا ئوخشاش، مېنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەكچىمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: _ ئەگەر توۋا قىلساڭ، مەن سېنى ئەسلىڭگە قايتۇرۇپ، ماڭا خىزمەت قىلالايدىغان قىلىمەن. ئەگەر سەن قۇرۇق گەپ قىلماي، مېغىزلىق گەپ قىلساڭ، يەنىلا سەن مېنىڭ سۆزلىرىمنى يەتكۈزگۈچى بولالايسەن. ئۇ چاغدا كىشىلەر سېنىڭ ئالدىڭغا كېلىپ، سۆزۈڭنى ئاڭلايدىغان بولىدۇ، سەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا بارمايسەن. مەن سېنى بۇ كىشىلەرنىڭ ئالدىدا مۇستەھكەم تۇچ تامغا ئوخشاش قىلىمەن. ئۇلار سەن بىلەن جېدەللىشىدۇ، ئەمما يېڭەلمەيدۇ. چۈنكى مەن سەن بىلەن بىللە تۇرۇپ، سېنى قوغدايمەن ۋە قۇتقۇزىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. مەن سېنى رەزىللەرنىڭ قولىدىن قوغدايمەن ۋە زوراۋانلارنىڭ كۈچىدىن سېنى ئازاد قىلىمەن. پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ بۇ يەردە توي قىلىپ بالىلىق بولمىغىن. چۈنكى، مەن پەرۋەردىگار بۇ زېمىندا تۇغۇلغان بالىلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بولغان ئەر- ئاياللارغا نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى ساڭا ئېيتىپ بېرىمەن. ئۇلار ئەجەللىك كېسەللەر بىلەن ئۆلىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن قايغۇرغۇدەك ئادەم قالمايدۇ، ئۇلار دەپنە قىلىنمايدۇ. ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى خۇددى ئېتىزغا چېچىلغان گەندىدەك ھەممە يەردە چېچىلىپ ياتىدۇ. ئۇلار ئۇرۇشتا ياكى ئاچارچىلىقتا ئۆلىدۇ. ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى قاغا-قۇزغۇنلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارغا يەم بولىدۇ. پەرۋەردىگار ماڭا يەنە مۇنداق دېدى: _ ئۇلار دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈۋاتقان ئۆيگە كىرمىگىن ۋە ئۇلار ئۈچۈن قايغۇرۇپ ماتەم تۇتمىغىن. چۈنكى مەن بۇ كىشىلەرگە بەرگەن ئامانلىقىم، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىم ۋە رەھىمدىللىكىمنى ئېلىپ كېتىمەن. بۇ زېمىندىكى بايلارمۇ كەمبەغەللەرمۇ ئوخشاشلا ئۆلىدۇ. ئۇلار دەپنە قىلىنمايدۇ ياكى ئۇلارغا ماتەم تۇتالمايدۇ. كىشىلەر ئۇلار ئۈچۈن بەدەنلىرىنى تىلىپ ياكى چاچ-ساقاللىرىنى چۈشۈرۈپ، قايغۇ-ھەسىرەتلىرىنى ئىپادىلىمەيدۇ. ھېچكىم ئۆلگەنلەر ئۈچۈن ماتەم تۇتقانلارغا تاماق ئەكېلىپ، تەسەللى بەرمەيدۇ. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى تۈگەپ كەتسىمۇ، ھېچكىم ئۇلارغا تەسەللى بېرىش ئۈچۈن شاراب بەرمەيدۇ. زىياپەت ئۆتكۈزۈۋاتقان ئۆيلەرگە كىرمىگىن ھەمدە ئۇلار بىلەن يەپ-ئىچىپ ئولتۇرمىغىن. چۈنكى، مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ساڭا نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىمەن. سەن ھايات چاغدا، كۆز ئالدىڭدىلا بۇ زېمىندىكى خۇشاللىق ۋە كۈلكە ئاۋازلىرىنى يوقىتىمەن. تويى بولغان قىز-يىگىتلەرنىڭ شادلىق كۈلكىلىرىمۇ ئاڭلانمايدۇ. سەن كىشىلەرگە بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېيتىپ بەرگىنىڭدە، ئۇلار سەندىن سورايدۇ: «نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگار بىزنى بۇ بالايىئاپەتلەر بىلەن ئاگاھلاندۇرىدۇ؟ بىز نېمىنى خاتا قىلدۇق؟ بىز پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا قارشى قانداق گۇناھ ئۆتكۈزدۇق؟» سەن ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «پەرۋەردىگار سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ‹سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار مېنى تاشلىۋېتىپ، باشقا ئىلاھلارنى ئىزدىگەن، ئۇلارغا چوقۇنۇپ، سەجدە قىلغان، مېنى رەت قىلىپ، قانۇنلىرىمغا بويسۇنمىغانىدى. سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلار ھەتتا ئەجدادلىرىڭلارنىڭكىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى! سىلەر سۆزلىرىمگە قۇلاق سالماي، جاھىللارچە ئۆزۈڭلارنىڭ يامان نىيەتلىرىگە ئەگىشىپ ماڭدىڭلار. شۇڭا مەن سىلەرنى بۇ زېمىندىن قوغلاپ، سىلەر بىلمەيدىغان، ھەتتا ئەجدادلىرىڭلارمۇ بىلمىگەن باشقا بىر زېمىنغا ئاپىرىپ تاشلايمەن. ئۇ يەردە سىلەر كېچە-كۈندۈز بۇت ئىلاھلارغا چوقۇنىسىلەر. چۈنكى مەن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت كۆرسەتمەيمەن.›» _ لېكىن، مەن پەرۋەردىگار شۇنى ئېيتىمەنكى، شۇنداق ۋاقىتلار كېلىدۇ، كىشىلەر قەسەم قىلغاندا: «ئىسرائىل خەلقىنى مىسىر زېمىنىدىن قۇتقۇزۇپ چىققان مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن...» دېمەيدىغان بولىدۇ، بەلكى ئۇنىڭ ئورنىغا: «ئىسرائىل خەلقىنى شىمالدىكى زېمىنلاردىن ۋە ئۆزى سۈرگۈن قىلىۋەتكەن باشقا بارلىق ئەللەردىن ئۆز زېمىنىغا قايتۇرۇپ كەلگەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن...» دەپ قەسەم قىلىدىغان بولىدۇ. چۈنكى مەن ئۇلارنى ئەجدادلىرىغا ئاتا قىلغان بۇ زېمىنغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. لېكىن مەن پەرۋەردىگار يەنە شۇنداق دەپ ئېيتىمەنكى، مەن ھازىر بۇ خەلققە نۇرغۇن دۈشمەنلەرنى ئەۋەتىمەن، بېلىقچىلار خۇددى بېلىق تۇتقاندەك، ئۇلار خەلقىمنى تۇتىدۇ. مەن يەنە خەلقىمنى ئوۋلايدىغان ئوۋچىلارنى ئەۋەتىمەن. ئۇلار خەلقىمنى مۇشۇ زېمىندىكى بارلىق تاغلاردىن، دۆڭلەردىن، قورام تاشلارنىڭ يېرىقلىرىدىن ئوۋلايدۇ. چۈنكى مەن خەلقىم قىلغان بارلىق ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرىمەن. ئۇلارنىڭ رەزىل يوللىرى ماڭا يوشۇرۇن ئەمەس، ئۇلار گۇناھلىرىنى مەندىن يوشۇرۇپ قالالمايدۇ. مەن ئۇلارنى ئۆز رەزىللىكلىرى ۋە گۇناھلىرى ئۈچۈن بىر ھەسسە ئارتۇق جازالايمەن. چۈنكى ئۇلار ئادەمنى سەسكەندۈرىدىغان جانسىز بۇتلىرى بىلەن مېنىڭ زېمىنىمنى بۇلغىدى. ئۇلار ماڭا تەئەللۇق بولغان بۇ زېمىننى ئۆزلىرىنىڭ يىرگىنچلىك بۇتلىرى بىلەن تولدۇردى. ئاندىن مەن دېدىم: _ ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىم ۋە قورغىنىمدۇرسەن، قىيىنچىلىق كۈنلەردىكى پاناھگاھىمسەن! زېمىننىڭ ئەڭ يىراق چېتىدىن كەلگەن خەلقلەر ساڭا كېلىپ: «ئەجدادلىرىمىزنىڭ ساختا ئىلاھلىرى ۋە كېرەكسىز بۇتلىرىدىن باشقا ھېچنېمىسى بولمىغانىدى. خەلق ئۆزلىرىنىڭ خۇدالىرىنى ياسىيالامدۇ؟ ياق! مۇمكىن ئەمەس! ئۇلارنىڭ ياسىغانلىرى ھەرگىز خۇدا ئەمەس» دەيدۇ. پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: _ شۇڭا مەن ئۆز كۈچ-قۇدرىتىمنى كۆرسىتىمەن. ئاندىن ئۇلار مېنىڭ ھەقىقىي پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىدۇ. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئى يەھۇدىيە خەلقى، گۇناھلىرىڭلار تۆمۈر قەلەم بىلەن تاش يۈرىكىڭلارغا، قۇربانلىق سۇپىلىرىڭلارنىڭ بۇرجەكلىرىگە ئويۇپ يېزىلغاندۇر. ھەتتا بالىلىرىڭلارمۇ دۆڭلەر ئۈستىدىكى بۈك-باراقسان ئۆسكەن دەرەخلەرنىڭ ئاستىغا جايلاشقان ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىغا ۋە قۇربانلىق سۇپىلىرىغا بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ. زېمىنىڭلارنىڭ ھەممە يېرى گۇناھقا تولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ زېمىندىكى مۇقەددەس تېغىم بىلەن بارلىق بايلىقىڭلار ۋە مال-مۈلكىڭلارنى دۈشمەنلىرىڭلارغا ئولجا قىلىپ تاپشۇرۇپ بېرىمەن. سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ سەۋەبىدىن، مەن سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىندىن ئايرىلىپ قالىسىلەر. شۇنداقلا مەن سىلەرنى ئۆزۈڭلارمۇ بىلمەيدىغان يات زېمىندا دۈشمەنلىرىڭلارغا قۇل قىلىپ بېرىمەن. چۈنكى سىلەر مېنىڭ غەزىپىمنى قوزغىدىڭلار، بۇ غەزەپ مەڭگۈ لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوتقا ئوخشايدۇ.» پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىشەنچىنى پەقەت ئىنسانلارغا ئاتىغان، ئادەمنىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە تايانغان، قەلبىدە پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈگەنلەر لەنەتكە قالسۇن! ئۇلار چۆل-جەزىرىدىكى چاتقالغا ئوخشاش گۈللىنىشنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرەلمەيدۇ. ئۇلار چۆل-باياۋاندىكى ھېچنېمە ياشىيالمايدىغان شورلۇق، قۇرغاق جايلاردا ياشايدۇ. لېكىن ماڭا ئىشەنگەن، ئىشەنچىنى ماڭا باغلىغانلار بەخت تاپىدۇ. ئۇلار خۇددى دەريا بويلىرىغا تىكىلىپ، يىلتىزلىرى سۇنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا يەتكەن دەرەخلەرگە ئوخشايدۇ. بۇ دەرەخلەر ئىسسىقتىن قورقمايدۇ، ئۇلارنىڭ يوپۇرماقلىرى دائىم بۈك-باراقسان تۇرىدۇ. ئۇلار قۇرغاقچىلىقتىن ئەنسىرىمەيدۇ، مېۋە بېرىشتىن ھەرگىز توختاپ قالمايدۇ. ئەڭ ساختا نەرسە ئىنسان نىيىتىدۇر. ئۇنى ساقايتقىلى بولماس، ھېچكىم ئۇنى چۈشىنەلمەيدۇ. مەن پەرۋەردىگار ئىنسانلارنىڭ يۈرىكىنى تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئويلىرىنى سىنايمەن. مەن ھەركىمنىڭ ئەمەلىيىتىگە ۋە قىلغىنىغا لايىق ياندۇرىمەن. ئوغرىلاپ كېلىنگەن تۇخۇمدىن تۆرەلگەن كەكلىك ئۇچۇپ كەتكەندەك، كىشىنىڭ ئادالەتسىزلىك بىلەن توپلىغان مال-دۇنيالىرى يوقىلىپ كېتىدۇ. ھايات مەزگىلىدە ئۇ مال-دۇنياسىدىن ئايرىلىدۇ. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ بىر ئەخمەق ئىكەنلىكى نامايان بولىدۇ.» مەن پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدىم: «بىزنىڭ ئىبادەتخانىمىز ئەزەلدىن تارتىپ ھۆرمەتلىنىپ كېلىنگەن، شان-شەرەپلىك بىر تەختتۇر. ئى پەرۋەردىگار، سەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئۈمىدى. سەندىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ھەممىسى خىجالەتچىلىكتە قالىدۇ. سەندىن يۈز ئۆرۈگەنلەر خۇددى ئىسىملىرى چاڭ-توزانغا يېزىلغاندەك يوقىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار ھاياتلىق سۈيىنىڭ بۇلىقى بولغان سەندىن ۋاز كەچكەندۇر. ئى پەرۋەردىگار، ئەگەر سەن مېنى ساقايتساڭ، مەن ھەقىقىي ساقايغان بولىمەن، ئەگەر سەن مېنى قۇتقۇزساڭ، مەن ھەقىقىي قۇتقۇزۇلغان بولىمەن، مەن سېنىلا مەدھىيەلەيمەن! كىشىلەرنىڭ ماڭا نېمە دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغىن. ئۇلار: ‹قېنى پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە سالغان تەھدىتلىرى؟ نېمە بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى!› دېيىشىۋاتىدۇ. ئى پەرۋەردىگار، مەن سېنىڭ خەلقىڭ ئۈچۈن قىلىدىغان خىزمىتىمنى تاشلىمىدىم. مەن ئۇلارنىڭ بېشىغا بالايىئاپەت چۈشۈرۈشۈڭنى خالىمىدىم. مەن ئېيتقان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى بىلىسەن. مېنى قورقۇتمىغىن! سەن مېنىڭ قىيىنچىلىق ۋاقىتلىرىمدىكى پاناھگاھىمدۇرسەن. مېنى ئەمەس، بەلكى ماڭا زىيانكەشلىك قىلغانلارنى نومۇستا قالدۇرغىن. مېنى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى ۋەھىمىگە قالدۇرغىن. ئۇلارنىڭ بېشىغا بالايىئاپەت ياغدۇرۇپ، ئۇلارنى بىر ھەسسە ئارتۇق جازا بىلەن ۋەيران قىلغىن!» پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ يېرۇسالېمدىكى دەرۋازىلارغا بارغىن. ئاۋۋال يەھۇدىيە پادىشاھى كىرىپ-چىقىدىغان دەرۋازىغا _ «خەلقلەر دەرۋازىسى»غا، ئاندىن باشقا بارلىق دەرۋازىلارغا بېرىپ، مۇنداق دەپ جاكارلىغىن: «ئەي يەھۇدىيەنىڭ پادىشاھلىرى، بۇ دەرۋازىلاردىن كىرىپ چىقىۋاتقان يېرۇسالېم خەلقى، شۇنداقلا يەھۇدىيەنىڭ بارلىق خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار! پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹جېنىڭلارنى ئەزىز كۆرسەڭلار، مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشۇمنى ئاڭلاڭلار! دەم ئېلىش كۈنىدە يېرۇسالېم دەرۋازىلىرىدىن يۈك ئېلىپ كىرىشنى توختىتىڭلار. دەم ئېلىش كۈنىدە ئۆيۈڭلاردىن يۈك كۆتۈرۈپ چىقماڭلار! ھېچقانداق ئىش قىلماڭلار! ئەجدادلىرىڭلارغا ئەمر قىلغىنىمدەك، دەم ئېلىش كۈنىنى مۇقەددەس كۈن دەپ بىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭلار. ئەمما سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدى، كۆڭۈل بۆلمىدى. ئۇلار جاھىللىق قىلىپ، ماڭا ئىتائەت قىلمىدى ۋە تەربىيەمنى قوبۇل قىلمىدى. مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتىمەنكى، سىلەر ماڭا ئىتائەت قىلىپ، دەم ئېلىش كۈنىدە شەھەر دەرۋازىلىرىدىن ھېچقانداق يۈك-تاق ئېلىپ كىرمەڭلار. چوقۇم دەم ئېلىش كۈنىنى مۇقەددەس بىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭلار ۋە ھېچقانداق ئىش قىلماڭلار. شۇنداق بولغاندىلا، داۋۇت ئەۋلادىدىن بولغان پادىشاھلار ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرگە بۇ شەھەرنىڭ دەرۋازىلىرىدىن دائىم كىرىپ-چىقىپ تۇرىدۇ. پادىشاھلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەمەلدارلىرى جەڭ ھارۋىلىرىغا ئولتۇرىدۇ ياكى ئاتلارغا مىنىدۇ ھەمدە ئۇلارغا يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېم خەلقلىرى ھەمراھ بولىدۇ. مۇشۇ شەھەردە ياشايدىغانلار مەڭگۈ ئۈزۈلمەيدۇ. يېرۇسالېم ئەتراپىدىكى يېزىلاردىن، شۇنداقلا يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەر-يېزىلىرىدىن، بىنيامىن زېمىنلىرىدىن، غەربىي ئېدىرلىقلاردىن، تاغلىق رايونلاردىن ۋە نەگېب چۆللۈكىدىن خەلقلەر كېلىپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە باشقا قۇربانلىقلار، ئاشلىق ھەدىيەلىرى ۋە ئىسرىقلارنى سۇنىدۇ. ئۇلار يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا مىننەتدارلىق قۇربانلىقلىرىنىمۇ ئېلىپ كېلىدۇ. لېكىن سىلەر چوقۇم ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار ۋە دەم ئېلىش كۈنىنى مۇقەددەس بىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭلار. ئۇ كۈنى يېرۇسالېم دەرۋازىلىرىدىن ھېچقانداق يۈك-تاق ئېلىپ كىرمەڭلار. ئەگەر شۇنداق قىلمىساڭلار، يېرۇسالېم دەرۋازىلىرىغا ئوت قويىمەن. ئوت يېرۇسالېمنىڭ ئوردىلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ، ھېچكىم ئۇنى ئۆچۈرەلمەيدۇ.›» پەرۋەردىگار مەن يەرەمىياغا: _ سەن ساپالچىنىڭ ئۆيىگە بارغىن، مەن ئۇ يەردە سەن بىلەن سۆزلىشىمەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ساپالچىنىڭ ئۆيىگە باردىم ۋە ئۇنى چاق ئايلاندۇرۇپ ئىشلەۋاتقان يېرىدىن تاپتىم. ئۇنىڭ ياسىغان ئىدىشى كۆڭلىدىكىدەك ياخشى چىقمىسا، ساپالچى ئۇنى لاي قىلىۋېتىپ، باشقا بىر ئىدىشقا ئۆزگەرتىپ، ئۆزى ئويلىغان شەكىلگە كىرگۈزىدىكەن. ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئىسرائىل خەلقى، ساپالچى لاينى ئۆزى خالىغان شەكىلگە كىرگۈزەلىگەن يەردە، مەنمۇ سىلەرنى قانداق قىلماقچى بولسام، شۇنداق قىلالمامدىمەن؟ لاي ساپالچىنىڭ قولىدا بولغىنىغا ئوخشاش، سىلەرمۇ مېنىڭ قولۇمدىدۇرسىلەر. شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا مەن بىرەر ئەل ياكى پادىشاھلىقنىڭ يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىنىدىغانلىقى، يىقىتىلىدىغانلىقى ياكى ۋەيران قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولىمەن. ئەگەر ئاگاھلاندۇرۇلغان ئەل ئۆزلىرى قىلغان رەزىل ئىشلىرىغا توۋا قىلسا، مەن ئۇلارنىڭ بېشىغا بالايىئاپەت چۈشۈرۈش نىيىتىمدىن يانىمەن. شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا مەن بىرەر ئەل ياكى خەلققە پادىشاھلىق قۇرۇش ۋە مۇستەھكەملەش ھەققىدە ۋەدە قىلىمەن. بىراق ئۇلار ماڭا ئىتائەت قىلماي، نەزىرىمدە رەزىل بولغان ئىشلارنى قىلسا، نىيىتىمنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارغا قىلغان ۋەدەمدىن يانىمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي يەرەمىيا، سەن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا جايلىرىدىكى بارلىق پۇقرالارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن سىلەرگە بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىشكە تەييارلىنىپ، جازالاش پىلانىنى تۈزىۋاتىمەن! شۇڭا، ھەربىرىڭلار رەزىل قىلمىشلىرىڭلاردىن يېنىپ، توغرا يولدا مېڭىشقا نىيەت قىلىڭلار!› لېكىن ئۇلار مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: ‹سېنىڭ نېمە دېيىشىڭ بىلەن نېمە كارىمىز! بىز نېمە ئىش قىلغۇمىز كەلسە شۇنى قىلىمىز! قىلمىشلىرىمىز ۋە جاھىللىقىمىزنى داۋاملاشتۇرىۋېرىمىز!›». شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «سەن باشقا ئەللەردىن سوراپ باققىن، ئۇلار شۇنداق رەزىل ئىشلارنى ئاڭلاپ بېقىپتىمۇ؟ ئەزىز ئىسرائىل خەلقىم ھەيران قالارلىق ناھايىتى رەزىل ئىشلارنى قىلدى! لىۋاننىڭ تاغ چوققىسىدىكى قارلار يوقىلىپ كېتەرمۇ؟ ئېرىقلاردىكى يىراق تاغلاردىن ئېقىپ چۈشكەن سوغۇق سۇلار قۇرۇپ كېتەرمۇ؟ لېكىن خەلقىم مېنى ئۇنتۇپ كەتتى ۋە ئەرزىمەس بۇتلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلدى! شۇ سەۋەبتىن ئۇلار كونا، ئىشەنچلىك يولدىن ۋاز كېچىپ، پۇتلىشىپ كەتتى. مېنىڭ يولۇمغا ئەگىشىشنىڭ ئورنىغا ئەگرى-توقاي ۋە ئەسكى يوللاردا ماڭدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ زېمىنى خارابىلىككە ئايلىنىدۇ، بۇ زېمىن مەسخىرە نىشانى بولۇپ قالىدۇ. بۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالىدۇ ۋە باشلىرىنى چايقىشىدۇ. شەرقتىن چىققان بوران نەرسىلەرنى ئۇچۇرۇپ كەتكەندەك، مەن ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا چېچىۋېتىمەن. ئۇلارغا بالا-قازا يېتىپ كەلگەندە، ئارقامنى قىلىپ ياردەم قىلمايمەن.» شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئادەملەر: _ كېلىڭلار، يەرەمىياغا سۇيىقەست قىلايلى! بىزگە تەلىم بېرىدىغان روھانىيلىرىمىز، مەسلىھەت بېرىدىغان دانالىرىمىز، خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزىدىغان پەيغەمبەرلىرىمىز يەنە چىقىدۇ. بىز يەرەمىيانىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلايلى، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمايلى، _ دېيىشتى. مەن مۇنداق دېدىم: «ئى پەرۋەردىگار، ماڭا قۇلاق سالغايسەن، دۈشمەنلىرىمنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغايسەن. ياخشىلىققا يامانلىق قايتىشى كېرەكمۇ؟ ئۇلار ھەتتا مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ، ئورەك كولاۋاتىدۇ. مەن بۇرۇن ئالدىڭغا كېلىپ، ئاشۇ سۇيىقەستچىلەرگە بولغان غەزىپىڭنى بېسىش ئۈچۈن، سەندىن ئۆتۈنگىنىمنى يادىڭدا تۇتقايسەن. ئۇ سۇيىقەستچىلەرنىڭ بالىلىرى ئاچلىقتىن ئۆلسۇن، ئۇلار ئۆزلىرى قىلىچتا ئۆلتۈرۈلسۇن! ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ئەرلىرىدىن ۋە بالىلىرىدىن ئايرىلىپ قالسۇن! ياشانغانلىرى كېسەللىكتىن، ياشلىرى بولسا جەڭ مەيدانىدا قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلسۇن! بۇلاڭچىلارنى ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى تۇيۇقسىز تالان-تاراج قىلىشقا ئەۋەتكەيسەن! ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىدىن نالە-پەريادلار ئاڭلانسۇن! چۈنكى ئۇلار ماڭا ئورەك كولىدى، تۇزاق قۇردى. ئى پەرۋەردىگار، سەن ئۇلارنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قىلغان بارلىق سۇيىقەستىنى بىلىسەن. ئۇلارنىڭ جىنايەتلىرىنى كەچۈرمىگەيسەن! ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆزۈڭدىن ئۆچۈرۈۋەتمىگەيسەن! ئۇلار كۆز ئالدىڭدا مەغلۇپ بولۇپ، يىقىلىپ چۈشسۇن! ئۇلارنى غەزەپ بىلەن جازالىغايسەن!» پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق دېدى: _ بېرىپ، ساپالچىدىن بىر ئىدىش سېتىۋالغىن! بارغىنىڭدا خەلقنىڭ ئاقساقاللىرى ۋە روھانىيلارنىڭ يېتەكچىلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئەگەشتۈرۈپ بارغىن. «ساپال پارچىلىرى دەرۋازىسى»دىن چىقىپ، بەنھىننوم جىلغىسىغا بارغىن. شۇ يەردە ساڭا ئېيتقان سۆزلىرىمنى جاكارلايسەن: «ئەي يەھۇدىيە پادىشاھلىرى ۋە يېرۇسالېم خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: ‹قۇلاق سېلىڭلار! مەن بۇ جايغا شۇنداق بىر بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىمەنكى، ئۇنى ئاڭلىغۇچىلار ھاڭ-تاڭ قالىدۇ. بۇ خەلق مەندىن ۋاز كېچىپ، بۇ جاينى بۇلغىغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق قىلىمەن. ئۇلار بۇ يەردە ئۆزلىرى، ئەجدادلىرى ھەتتا يەھۇدىيە پادىشاھلىرىمۇ نامىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان بۇت ئىلاھلارغا ئاتاپ قۇربانلىقلارنى قىلدى. ئۇلار بۇ جاينى گۇناھسىز بالىلارنىڭ قانلىرى بىلەن بويىدى. ئۇلار بائالنىڭ بۇتلىرىغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىدىغان سەجدىگاھلارنى ياسىدى ۋە ئۆز بالىلىرىنى ئۇ يەردە قۇربانلىق قىلىپ كۆيدۈرۈۋەتتى! مەن ئەزەلدىن ئۇلارغا بۇنداق قۇربانلىق قىلىشنى ئەمر قىلمىغان ۋە ئۇلارغا ئېيتىپمۇ باقمىغان، ھەتتا ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان! شۇنىڭ ئۈچۈن مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، كىشىلەرنىڭ بۇ جاينى ئەمدى توفەت ياكى بەنھىننوم جىلغىسى دەپ ئاتىمايدىغان ۋاقىت كېلەي دەپ قالدى. ئەمدى ئۇلار بۇ جىلغىنى قىرغىنچىلىق جىلغىسى دەپ ئاتايدۇ! مەن مۇشۇ جايدا، يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا جايلىرىدا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە پۈككەن مەقسەتلىرىنى بۇزۇۋېتىمەن. سىلەرنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمىنىڭلارنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن. ئۇلار سىلەرنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرىدۇ. ئاندىن جەسىتىڭلارنى قاغا-قۇزغۇنلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارغا يەم قىلىپ بېرىمەن. مەن بۇ شەھەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن، ئۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالىدۇ ۋە ئۇنىڭ ۋەيرانە ھالىتىنى مەسخىرە قىلىشىدۇ. سىلەرنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمىنىڭلارنىڭ بۇ شەھەرنى تاكى ئاشلىق قالمىغۇچە مۇھاسىرىگە ئېلىشىغا يول قويى مەن. مۇھاسىرىگە چۈشكەنلەر شۇنچىلىك ئۈمىدسىزلەنگەنلىكتىن ئۆز بالىلىرىنى ۋە بىر-بىرىنى يەيدۇ.›» ئەي يەرەمىيا، سەن باشلاپ كەلگەن ئادەملەرنىڭ ئالدىدا، ئىدىشنى چېقىۋەت! ئاندىن ئۇلارغا مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنى يەتكۈزگىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن ئىدىشنى چاققاندەك، بۇ خەلق ۋە بۇ شەھەرنى چاقىمەن. چېقىلغان ئىدىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. جەسەتلەر تاكى توفەتتە يەر قالمىغۇچە كۆمۈلىدۇ. مەن، پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، بۇ شەھەر ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرىنى ئاشۇنداق جازالىماقچى. مەن بۇ شەھەرنى توفەتكە ئوخشاش قىلىمەن. يېرۇسالېمدىكى ئۆيلەر ۋە يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ ئۆيلىرى توفەتكە ئوخشاش جەسەتلەر بىلەن بۇلغىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىلىرىدە يۇلتۇزلارغا ئاتاپ كۈجە كۆيدۈردى ۋە بۇت ئىلاھلارغا ئاتاپ ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇندى.›» ئاندىن يەرەمىيا پەرۋەردىگار ئۇنى ۋەھىي يەتكۈزۈشكە ئەۋەتكەن توفەت دېگەن جايدىن كەتتى. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىسىدا تۇرۇپ، بارلىق خەلققە مۇنداق دېدى: «ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن ئېيتقىنىمدەك، بۇ شەھەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارغا ھەممە بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىمەن. سىلەر جاھىللىق قىلىپ سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىشنى رەت قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، شۇنداق قىلىمەن.›» ئىممېرنىڭ ئوغلى روھانىي پاشكۇر، پەرۋەردىگار ئىبادەتخانىسىنىڭ ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى بولۇپ، ئۇ يەرەمىيانىڭ نېمە ۋەھىي يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغانىدى. شۇڭا ئۇ يەرەمىيا پەيغەمبەرنى تۇتۇپ كېلىپ ئۇرغۇزدى ۋە ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ «ئۈستۈنكى بىنيامىن دەرۋازىسى»غا ئەكېلىپ، پۇتلىرىغا تاقاق سالدى. ئەتىسى روھانىي پاشكۇر يەرەمىيانى تاقاقتىن بوشاتقاندا، يەرەمىيا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار ساڭا «پاشكۇر» ئەمەس، «ھەممە يەرلەردە ۋەھىمە باسىدۇ» دەپ ئىسىم قويىدۇ. ئەي پاشكۇر، پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «مەن ساڭا ۋە دوست-بۇرادەرلىرىڭغا ۋەھىمە سالىمەن. دوستلىرىڭنى دۈشمەنلىرى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرىسەن. مەن پۈتكۈل يەھۇدىيە خەلقىنى بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. بابىل پادىشاھى ئۇلارنى ئەسىرگە ئېلىپ، بابىلغا يالاپ، ئېلىپ كېتىدۇ ياكى ئۇلارنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرىدۇ. مەن بۇ شەھەردىكى بارلىق بايلىقلارنى دۈشمەنلىرىڭلارغا بېرىمەن. مەن بارلىق مەھسۇلاتلار، قىممەتلىك نەرسىلەر ۋە يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ مال-مۈلكىنى دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇلار ھەممە نەرسىنى ئولجا قىلىپ، بابىلغا ئېلىپ كېتىدۇ. ئەي پاشكۇر، ساڭا كەلسەك، سەن ئائىلەڭ بىلەن بىرلىكتە بابىلغا سۈرگۈن قىلىنىسەن. سەن ئۇ يەردە ئۆلۈپ، دەپنە قىلىنىسەن. سەن يەتكۈزگەن يالغان ۋەھىيلەرگە ئىشەنگەن بارلىق دوستلىرىڭمۇ ئوخشاش ھالغا چۈشىدۇ.» ئاندىن مەن مۇنداق دېدىم: «ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنى ئالدىدىڭ، مەن سېنىڭ ئالدىشىڭغا يول قويدۇم. سەن مەندىن ئۈستۈن كېلىپ، مېنى يەڭدىڭ. ئادەملەر كۈن بويى مېنى مەسخىرە قىلىدۇ. ھەممە ئادەم مېنى مازاق قىلىدۇ. ھەرقاچان ۋەھىيلىرىڭنى يەتكۈزگىنىمدە: ‹زوراۋانلىق ۋە ۋەيرانچىلىق كېلىۋاتىدۇ!› دەپ پەرياد قىلىپ، ۋارقىرىشىم كېرەك. مەن سېنىڭ ۋەھىيلىرىڭنى جاكارلىغىنىم ئۈچۈن، ھەر كۈنى مەسخىرىلەرگە ئۇچراپ، كەمسىتىلدىم. ئەگەردە، مەن ‹سېنى تىلىمغا ئالمايمەن، سېنىڭ نامىڭ بىلەن سۆزلىمەيمەن› دېسەم، سېنىڭ سۆزلىرىڭ يۈرىكىمدە ئوتتەك كۆيىدۇ، سۆزلىرىڭ سۆڭەكلىرىمدىكى بىر ئوتقا ئوخشايدۇ. مەن ئۇلارنى سىر ساقلاشقا تىرىشسام چارچاپ كېتىمەن، ئۇنى سۆزلەشكە مەجبۇر بولىمەن. مەن ماڭا قارشى سۇيىقەست قىلماقچى بولغانلارنىڭ نۇرغۇنلىغان كۇسۇرلاشلىرىنى ئاڭلىدىم. ھەممە يەردە مېنى ۋەھىمە باسىدۇ! ئۇلار: ‹كېلىڭلار، ئۇنى ئەيىبلەيلى، بىز ئۇنى ئەيىبلەيلى!› دېيىشىدۇ. بارلىق يېقىن دوست-بۇرادەرلىرىم خاتالىق ئۆتكۈزۈشۈمنى كۈتىدۇ، ئۇلار ‹بەلكىم ئۇ ئالدام خالتىمىزغا چۈشەر، ئاندىن بىز ئۇنى يېڭىپ، ئىنتىقام ئالىمىز› دەپ كۇسۇرلىشىدۇ. لېكىن پەرۋەردىگار ھەيۋەتلىك جەڭچىگە ئوخشاش ماڭا يار بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ماڭا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغانلار يىقىلىپ چۈشىدۇ. ئۇلار مېنى يېڭەلمەيدۇ، ئۇلار مەغلۇپ بولۇپ پۈتۈنلەي نومۇسقا قالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىزا-ئاھانەتكە قالغانلىقى مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ. ئى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، سەن ھەققانىي كىشىلەرنى سىنايسەن، كىشىلەرنىڭ ئوي-پىكىرلىرى ۋە ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى تەكشۈرىسەن. دۈشمەنلىرىمدىن ئىنتىقام ئالغانلىقىڭنى كۆرەي، چۈنكى مەن ساڭا ئەرزىمنى بايان قىلدىم. پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇپ، ئۇنى ماختاڭلار! چۈنكى ئۇ ئېزىلگەنلەرنى رەزىللەرنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ قالىدۇ. مەن تۇغۇلغان كۈنگە لەنەت بولسۇن! ئانام مېنى تۇغقان كۈن خەيرلىك كۈن بولمىسۇن. دادامنى بەك خۇشال قىلىپ: ‹ئوغۇل كۆردىڭىز!› دەپ خەۋەر يەتكۈزگەن ئادەمگە قارغىش بولسۇن. ئۇ ئادەم پەرۋەردىگار شەپقەتسىزلەرچە ۋەيران قىلغان شەھەرلەرگە ئوخشاش ۋەيران بولسۇن. ئۇ ئەتىگەندە نالە-پەرياد، چۈشتە جەڭ چۇقانلىرىنى ئاڭلىسۇن. چۈنكى ئۇ مېنى تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن ئۆلتۈرۈشى كېرەك ئىدى، شۇندىلا ئانامنىڭ قورسىقى مېنىڭ قەبرەم بولۇپ، ئۇ مەڭگۈ چوڭ تۇراتتى. نېمە ئۈچۈن ئانامنىڭ قورسىقىدىن بۇ دۇنياغا تۆرەلگەندىمەن؟ پۈتۈن ھاياتىم جاپا-مۇشەققەت ۋە ئازابقا تولدى، شۇنداقلا كۈنلىرىمنى ئىزا-ئاھانەتتە ئۆتكۈزدۈم.» زىدقىيا پادىشاھ مالكىيانىڭ ئوغلى پاشخۇر ۋە مائاسېيانىڭ ئوغلى روھانىي زىفانىيانى يەرەمىيانىڭ ئالدىغا ئەۋەتكەندە، پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا بىر ۋەھىي كەلدى. پادىشاھ ئەۋەتكەن بۇ كىشىلەر يەرەمىيادىن: _ پەرۋەردىگاردىن سوراپ باقسىلا، بابىلنىڭ پادىشاھى نىبۇكادنەزەر بىزگە ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. بەلكىم پەرۋەردىگار بۇرۇنقىغا ئوخشاش مۆجىزىلەرنى كۆرسىتىپ، دۈشمەنلەرنى چېكىندۈرەلەمدىكىن؟ _ دەپ ئىلتىجا قىلدى. يەرەمىيا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ پادىشاھ زىدقىيانىڭ يېنىغا قايتىپ، ئۇنىڭغا ئېيتىڭلار: «ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ‹ھازىر بابىل پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى سېپىللىرىڭلارنى قورشىۋېلىپ، سىلەرگە ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. سىلەرنىڭ قوراللىرىڭلارنى ئىشلىمەس قىلىپ قويىمەن، ھەتتا مەن دۈشمەنلىرىڭلارنى بۇ شەھەرنىڭ مەركىزىگىچە ئېلىپ كىرىمەن. مەن نەپرەت ۋە غەزەپ ئىچىدە قولۇمنى كۆتۈرۈپ، ھەممىگە قادىر بىلىكىم بىلەن سىلەرگە قارشى جەڭ قىلىمەن! مەن بۇ شەھەرگە قورقۇنچلۇق كېسەللىك ئەۋەتىمەن، شەھەردىكى ئادەملەر ۋە ھايۋانلار ئۆلۈپ كېتىدۇ!› پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: ‹ئۇنىڭدىن كېيىن مەن، پادىشاھ زىدقىيا، ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە بۇ شەھەردە كېسەل، ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىقتىن ئامان قالغانلارنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ۋە سىلەرنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. پادىشاھ نىبۇكادنەزەر ئۇلارنى قىرغىن قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ھېچقانداق ئىچ ئاغرىتىش، ھېسداشلىق ياكى شەپقەت قىلمايدۇ.›» بۇ سۆزلەرنى خەلققە يەتكۈزۈڭلار: «قاراڭلار، مەن پەرۋەردىگار ھايات-ماماتلىق يولىنى ئالدىڭلارغا قويدۇم. ئۆزۈڭلار تاللىۋېلىڭلار. شەھەردە قالغانلار ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ياكى كېسەل بىلەن ئۆلىدۇ. شەھەردىن ئايرىلىپ، شەھەرنى قورشاۋغا ئالغان بابىللىقلارغا تەسلىم بولغانلار ھايات قالىدۇ. بۇ ئادەملەر ئۆز جانلىرىنى ساقلاپ قالىدۇ. سىلەرگە ئېيتىمەنكى، مەن بۇ شەھەرگە ئاپەت ياغدۇرۇشنى قارار قىلغان. بۇ شەھەرگە ھېچقانداق ياخشىلىق قىلمايمەن. مەن بۇ شەھەرنى بابىل پادىشاھنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن، ئۇ بۇ شەھەرنى كۆيدۈرىدۇ.» پەرۋەردىگار مەن يەرەمىياغا، يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ جەمەتىگە بۇ سۆزلەرنى يەتكۈزۈشۈمنى ئېيتتى: «پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار! ئى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان خان جەمەتى، پەرۋەردىگار سىلەرگە دەيدۇكى، ھەر كۈنى ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىڭلار. بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغانلارنى زالىملارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇڭلار. ئۇنداق بولمايدىكەن، قىلغان رەزىل ئىشلىرىڭلار تۈپەيلىدىن غەزىپىم خۇددى يالقۇنلاپ كۆيۈۋاتقان ئوتتەك سىلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ، ھېچكىم بۇنى ئۆچۈرەلمەيدۇ. ئەي جىلغا ئارىسىدىكى تاشلىق تۆپىلىكتە ياشاۋاتقان يېرۇسالېم خەلقى، مەن سىلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىمەن. ‹ھېچكىم بىزگە ھۇجۇم قىلىپ، مۇداپىئەلىرىمىزنى بۇزۇپ كىرەلمەيدۇ› دەپ مەغرۇرلانغانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىمەن. مەن پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، قىلمىشلىرىڭلارغا قاراپ، سىلەرنى تېگىشلىك جازاغا تارتىمەن. ئورمىنىڭلارغا ئوت قويىمەن، بۇ ئوت ئەتراپتىكى ھەممە نەرسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ.» پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئوردىسىغا بېرىپ، سۆزلىرىمنى ئۇ يەردە يەتكۈزگىن. ئۇنىڭغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «ئەي داۋۇتنىڭ تەختىدە ئولتۇرۇۋاتقان يەھۇدىيە پادىشاھى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سال. بۇ سۆزلىرىمنى ئوردىنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىدىغان ئەمەلدار ۋە خەلقلىرىڭمۇ ئاڭلىسۇن. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئىش قىلىڭلار. بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغانلارنى زالىملارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇڭلار. يات خەلقلەرگە، يېتىملەرگە، تۇل ئاياللارغا زوراۋانلىق قىلماڭلار، بوزەك قىلماڭلار. بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۆكمەڭلار. ئەگەر بۇ سۆزلىرىمگە كۆڭۈل قويۇپ، ئەمەل قىلساڭلار، داۋۇت ئەۋلادىدىن بولغان پادىشاھلار جەڭ ھارۋىلىرىغا ئولتۇرۇپ، ئاتلارغا مىنىپ، بۇ ئوردا دەرۋازىلىرىدىن كىرىپ-چىقىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە خەلقى ئۇلارغا ئەگىشىپ ماڭىدۇ. لېكىن سىلەر ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلمىساڭلار، مەن ئۆز نامىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇ ئوردا خارابە دۆۋىسىگە ئايلىنىدۇ.›» پەرۋەردىگار، يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئوردىسى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئوردىسى مېنىڭ نەزىرىمدە گىلئادقا ۋە لىۋاننىڭ تاغ چوققىلىرىغا ئوخشاش ھەيۋەتلىكتۇر، لېكىن مەن ئۇنى چۆلگە ئوخشاش ھېچكىم ياشىمايدىغان بىر جايغا ئايلاندۇرۇپ قويىمەن. مەن ئۇنى ۋەيران قىلىۋېتىدىغان ئادەملەرنى ئەۋەتىمەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى پالتىلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ چىرايلىق كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان تۈۋرۈكلىرىنى چېپىپ تاشلايدۇ ۋە ئۇلارنى ئوتقا سالىدۇ. باشقا ئەللەردىن كەلگەن كىشىلەر بۇ شەھەردىن ئۆتكەندە، بىر-بىرىدىن: ‹پەرۋەردىگار نېمىشقا بۇ بۈيۈك شەھەرنى بۇ ھالغا كەلتۈرۈپ قويغاندۇ؟› دەپ سورىشىدۇ. ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب قايتۇرۇلىدۇ: ‹چۈنكى بۇ خەلق پەرۋەردىگار خۇدا بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى تاشلاپ، بۇتقا چوقۇنۇپ، ئۇلارغا سەجدە قىلدى.›» «ئۆلتۈرۈلگەن پادىشاھ يوشىيا ئۈچۈن يىغا-زار قىلىپ قايغۇرماڭلار. لېكىن پادىشاھنىڭ سۈرگۈن قىلىنغان ئوغلى ئۈچۈن يىغلاپ قايغۇرۇڭلار. چۈنكى ئۇ ئەمدى ئۆز زېمىنىنى قايتا كۆرەلمەيدۇ.» پادىشاھ يوشىيانىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان ۋە بۇ زېمىندىن سۈرگۈن قىلىنغان ئوغلى يوئاخاز توغرىسىدا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ ئەمدى ھەرگىز بۇ زېمىنغا قايتىپ كېلەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ تۇتقۇن قىلىنىپ ئېلىپ كېتىلىپ، ئاشۇ يەردە ئۆلىدۇ ۋە بۇ زېمىننى قايتا كۆرەلمەيدۇ.» پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: «ئوردا قۇرۇپ ئادالەتسىزلىك قىلغان، كىشىلەرگە ناھەقچىلىق قىلىپ، ساراي ئۈستىگە يەنە ساراي سالغان پادىشاھنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇ ئادەملەرنى بىكارغا ئىشلەتتى، ھەق بەرمىدى. ئۇ: ‹مەن ئۆزۈمگە ئۈستۈنكى قەۋەتلىرى ھەيۋەتلىك بولغان چوڭ بىر ئوردا سالدۇرىمەن› دەيدۇ. ئۇ دېرىزىلەرنى ئورنىتىپ، تاملىرىنى كېدىر تاختىيى بىلەن بېزەيدۇ ۋە خانىلىرىنى قىزىل رەڭدە سىرلايدۇ. ئەي يىھوياقىم، كېدىر ياغىچىنى كۆپ ئىشلەتكەنلىكىڭ ئۈچۈن، ئۆزۈڭنى بىر ئۇلۇغ پادىشاھ دەپ ئويلامسەن؟ ئاتاڭنىڭمۇ يېمەك-ئىچمىكى مول ئىدى. لېكىن ئۇ ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئىش قىلغان، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ بارلىق ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولغان. ئۇ نامرات ۋە موھتاجلارنى قوغدىغانلىقى ئۈچۈن، بارلىق ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولغان. ئۇنىڭ ئادالەتلىك ئىشلارنى قىلغانلىقى، مېنى تونۇغانلىق ئەمەسمۇ؟ ئەمما سەن قەلبىڭنى زۇلۇم ۋە زوراۋانلىققا مايىل قىلدىڭ، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۆكتۈڭ، كۆزلىرىڭنى پەقەتلا دۇرۇس بولمىغان مەنپەئەتكە تىكتىڭ.» شۇنىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگار يوشىيا پادىشاھنىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىم توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «كىشىلەر ‹ئىسىت، قېرىندىشىم! ۋاي جانجىگىرىم!› دېيىشىپ، ياش تۆكمەيدۇ. خەلقى ئۇنىڭ ئۈچۈن: ‹ئىسىت، خوجايىنىمىز ئۆلۈپ كەتتىغۇ! ئىسىت، ئۇنىڭ شان-شۆھرىتى يوقالدىغۇ!› دەپ يىغلىمايدۇ. ئۇ خۇددى ئېشەككە ئوخشاش ئۆلۈكى قەبرىسىز قالىدۇ. ئۇنىڭ جەسىتى يېرۇسالېم دەرۋازىسىنىڭ سىرتىغا سۆرەپ ئېلىپ چىقىلىپ، تاشلىۋېتىلىدۇ. ئەي يېرۇسالېم خەلقى، لىۋان تاغلىرىغا بېرىپ يىغلاڭلار، باشان رايونىدا ۋارقىراپ، موئابتىكى ئابارىم تاغلىرىدا ھۆركىرەپ يىغلاڭلار. چۈنكى سىلەر تايانغان بارلىق ئىتتىپاقداشلىرىڭلار يېڭىلىپ قالدى. سىلەر گۈللەنگەن چاغدا مەن سىلەرگە سۆز قىلدىم، لېكىن سىلەر ئاڭلاشنى رەت قىلدىڭلار. سىلەر ئەزەلدىن سۆزلىرىمگە ئىتائەت قىلمىدىڭلار، مانا بۇ سىلەرنىڭ پۈتۈن ھاياتىڭلاردا قىلغانلىرىڭلار. يېتەكچىلىرىڭلارنى شامال ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ، ئىتتىپاقداشلىرىڭلار سۈرگۈن قىلىنىدۇ. سىلەر قىلغان بارلىق رەزىل ئىشلىرىڭلار ئۈچۈن، چوقۇم خورلۇق ۋە ئىزا-ئاھانەتكە قالىسىلەر. ھازىر پادىشاھىڭلار لىۋاندىن ئەكەلگەن كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان ئوردىسىدا ھۇزۇرلىنىۋاتىدۇ، لېكىن ئۇ پات ئارىدا جازالىنىدۇ، ئۇ خۇددى تولغاق يەۋاتقان ئايالدەك ئىڭرايدۇ.» پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىمنىڭ ئوغلى يىھوياكىن، مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار شۇنداق قەسەم قىلىمەنكى، گەرچە سەن مېنىڭ ئوڭ قولۇمدىكى مۆھۈرلۈك ئۈزۈك بولساڭمۇ، لېكىن مەن سېنى قولۇمدىن ئېلىپ تاشلايمەن. مەن سېنى سەن قورقىدىغانلارغا، سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلارغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. مەن سېنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرگە ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. مەن سېنى ۋە سېنى تۇغقان ئاناڭنى ئۆزۈڭلار تۇغۇلمىغان يات بىر ئەلگە ئاپىرىپ تاشلايمەن. ھەر ئىككىڭلار شۇ يەردە ئۆلىسىلەر. سىلەر قايتىپ كېلىشكە تەشنا بولغان بۇ زېمىنغا مەڭگۈ قايتىپ كېلەلمەيسىلەر! كىشىلەر: ‹نېمىشقا يىھوياكىن دېگەن بۇ ئادەم خۇددى چېقىلىپ تاشلىۋېتىلگەن ئىدىشتەك كۈنگە قالىدۇ؟ ئۇ ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى نېمە ئۈچۈن يات بىر زېمىنغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ؟› دەپ سورايدۇ. ئەي يەھۇدىيە زېمىنى، يەھۇدىيە زېمىنى، يەھۇدىيە زېمىنى! پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سال. مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹بۇ ئادەمنىڭ پەرزەنتلىرى يوق، دەپ رويخەتكە ئېلىڭلار! ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئىشلىرى ھەرگىز ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى داۋۇتنىڭ تەختىدە ئولتۇرۇپ، يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلمايدۇ.›» پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: «خەلقىمنىڭ سەركىلىرىنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار خەلقىمنىڭ ۋەيران بولۇپ، چېچىلىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولدى.» شۇنىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگار، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا خەلقىنىڭ سەركىلىرىگە مۇنداق دېدى: «سىلەر خەلقىمنىڭ چېچىلىپ، سۈرگۈن بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردىڭلار. سىلەر ئۇلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالمىدىڭلار. شۇڭا مەن سىلەرنى قىلغان رەزىل ئىشلىرىڭلار ئۈچۈن جازالايمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر! كېيىن مەن ئۆزۈم ھەر قايسى ئەللەرگە سۈرگۈن قىلىۋەتكەن خەلقىمنىڭ ھايات قالغانلىرىنى يىغىمەن. مەن ئۇلارنى ئۆز زېمىنىغا قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن. ئۇلارنىڭ سانى ھەسسىلەپ كۆپىيىدۇ. مەن ئۇلارغا ياخشى يول باشلايدىغان سەركىلەرنى تىكلەيمەن. ئاندىن ئۇلار ھەرگىزمۇ قورقۇپ، ۋەھىمىگە چۈشمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى يوقاپ كەتمەيدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتىمەنكى، شۇنداق بىر كۈن چوقۇم كېلىدۇ، شۇ كۈنى مەن داۋۇت ئەۋلادىدىن بولغان بىر ‹ھەققانىيلىق نوتىسى›نى تىكلەيمەن. ئۇ خەلقىمنى دانالىق بىلەن باشقۇرىدۇ، بۇ زېمىندا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئىش يۈرگۈزىدۇ. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا يەھۇدىيە تىنچ-ئامانلىققا ئېرىشىدۇ، ئىسرائىلىيە خاتىرجەملىكتە ياشايدۇ. ئۇنىڭ نامى ‹پەرۋەردىگار بىزنىڭ ھەققانىيىتىمىزدۇر› دەپ ئاتىلىدۇ. مەن پەرۋەردىگار شۇنى ئېيتىمەنكى، شۇنداق ۋاقىتلار كېلىدۇ، كىشىلەر قەسەم قىلغاندا: ‹ئىسرائىل خەلقىنى مىسىر زېمىنىدىن قۇتقۇزۇپ چىققان مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار نامى بىلەن...› دېمەيدىغان بولىدۇ، بەلكى ئۇنىڭ ئورنىغا: ‹ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنى شىمالدىكى زېمىنلاردىن ۋە ئۆزى سۈرگۈن قىلىۋەتكەن باشقا بارلىق ئەللەردىن ئۆز زېمىنىغا قايتۇرۇپ كەلگەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن...› دەپ قەسەم قىلىدىغان بولىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئۇلار قايتىپ كېلىپ، ئۆز زېمىنىدا ياشايدۇ.» ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ يامانلىقىدىن كۆڭلۈم بىئارام بولدى، پۈتۈن بەدىنىم تىترەپ كەتتى. پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارغا قارشى ئېيتقان مۇقەددەس سۆزلىرىدىن مەن خۇددى شارابنى كۆپ ئىچىۋالغان مەستتەك گاڭگىراپ قالدىم. بۇ زېمىن خۇداغا ساداقەتسىز كىشىلەر بىلەن تولدى، ئۇلار ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، رەزىللىك بىلەن ياشىدى. خۇدانىڭ لەنىتىدىن زېمىن ھەسرەتلەندى، ئوتلاقلار قۇرۇپ كەتتى. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ھازىرقى پەيغەمبەر ۋە روھانىيلار ئىمانسىزدۇر. مەن ئۇلارنىڭ ھەتتا مېنىڭ ئىبادەتخانامدا رەزىللىك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. شۇڭا ئۇلارنىڭ يوللىرى تېيىلغاق بولىدۇ. ئۇلار قاراڭغۇلۇققا قوغلىنىپ، شۇ يەردە پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ. مەن بەلگىلەنگەن جازالىنىش ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلگەندە، ئۇلارغا بالايىئاپەت چۈشۈرىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!» پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن سامارىيەدىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلار بائال ئىلاھىنىڭ نامىدا ۋەھىي يەتكۈزدى ۋە خەلقىم ئىسرائىللارنى ئازدۇردى. مەن يېرۇسالېمدىكى پەيغەمبەرلەرنىڭمۇ تېخىمۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلار زىناخورلۇق قىلدى ۋە يالغان ۋەھىيلەرنى يەتكۈزدى. ئۇلار رەزىل كىشىلەرنى كۈشكۈرتتى. نەتىجىدە خەلق ئۆزىنىڭ قىلغان رەزىللىكىدىن ۋاز كەچمىدى. مەن ئاشۇ پەيغەمبەرلەرنى سودوم خەلقىدەك رەزىل، يېرۇسالېم پۇقرالىرىنى گومورا خەلقىدەك گۇناھكار دەپ قارايمەن. شۇڭا مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يېرۇسالېمدىكى پەيغەمبەرلەر توغرىسىدا مۇنداق دەيمەن: ‹مەن بۇ پەيغەمبەرلەرنى ئازابلاپ، ئۇلارغا زەھەرلىك جازا سۈيىنى ئىچكۈزىمەن. چۈنكى يېرۇسالېمدىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىمانسىزلىقى بۇ زېمىنغا كەڭ تارقالدى.›» قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يېرۇسالېم خەلقىگە مۇنداق دەيدۇ: «ئاشۇ ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ سىلەرگە ئېيتقان سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار. ئۇلار سىلەرگە يالغان ئۈمىدلەرنى بېرىۋاتىدۇ. ئۇلار مەن يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغان سۆزلەرنى ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرى توقۇپ چىقارغان غايىبانە ئالامەتلەرنى سۆزلەۋاتىدۇ. ئۇلار دائىم مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئىنكار قىلغانلارغا: ‹ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق بولىدۇ!› دەيدۇ. ئۇلار قەلبلىرىدىكى جاھىل ھەۋەسلىرىگە ئەگەشكەنلەرگە: ‹سىلەر بالا-قازاغا ئۇچرىمايسىلەر!› دەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە كىممۇ سۆزلىرىمنى ئاڭلاش ئۈچۈن ھۇزۇرۇمدىكى يىغىلىشقا قاتنىشىپ باققان؟ ئۇلارنىڭ ئىچىدە كىممۇ سۆزلىرىمگە كۆڭۈل قويۇپ، قۇلاق سالغان؟ بىلىپ قويۇڭلاركى، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى خۇددى بوران-چاپقۇندەك كېلىدۇ. ئۇ خۇددى شىددەتلىك قارا بورانغا ئوخشاش، رەزىل كىشىلەرنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ. پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى، تاكى مەقسەتلىرىنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرمىغۇچە يانمايدۇ. ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە بۇنى تولۇق چۈشىنىپ يېتىسىلەر. بۇ پەيغەمبەرلەرنى مەن ئەۋەتمىدىم، لېكىن ئۇلار ھەممە يەردە قاتراپ يۈردى. مەن سۆزۈمنى ئۇلارغا چۈشۈرمىدىم، لېكىن ئۇلار يەنىلا مېنىڭ نامىمنى سېتىپ ۋەھىي يەتكۈزۈشتى. ئەگەر ئۇلار مېنىڭ ھۇزۇرۇمدىكى يىغىلىشقا قاتناشقان بولسا ئىدى، مېنىڭ سۆزلىرىمنى خەلقىمگە جاكارلايتتى، خەلقىمنى يامان يوللىرىدىن ياندۇرۇپ، رەزىل ئىشلاردىن توسقان بولاتتى. مەن بىر يەردىلا ئەمەس، ھەممە يەردە بار خۇدادۇرمەن. مەن دەيمەنكى، ئەجەبا، ئادەملەر يوشۇرۇنۇۋالسا، مەن كۆرەلمەي قالارمەنمۇ؟ ئاسمان ۋە زېمىندا مەن يوق بىرەر جاي بارمۇ؟ مېنىڭ نامىمنى ئاتاپ تۇرۇپ يالغاندىن ۋەھىي يەتكۈزۈۋاتقان بۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىدىم. ئۇلار: ‹مەن بىر چۈش كۆردۈم. مەن بىر چۈش كۆردۈم...› دېيىشىۋاتىدۇ. بۇ ساختا پەيغەمبەرلەر قاچانغىچە ئۆزلىرىنىڭ تەسەۋۋۇرىغا تايىنىپ، يالغاندىن ۋەھىي يەتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرار؟ ئۇلار ئۆزئارا تارقاتقان چۈشلىرى ئارقىلىق، خۇددى ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى بائالغا چوقۇنۇپ، مەن خۇدانى ئۇنتۇغاندەك، كىشىلەرگە ھازىرمۇ مېنى ئۇنتۇلدۇرۇشنى ئويلايدۇ. مەن سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، بۇ ساختا پەيغەمبەرلەر ئۆزلىرىنىڭ چۈشلىرىنى ئېيتىۋەرسۇن. ئەمما مېنىڭ ھەقىقىي ۋەھىي يەتكۈزگۈچىلىرىم مېنىڭ ھەربىر سۆزۈمنى سادىقلىق بىلەن جاكارلىسۇن. پاخال بىلەن دان ئوتتۇرىسىدا پەرق بار! مەن سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ سۆزلىرىم ئوتقا ئوخشاش كۆيدۈرىدۇ ھەم تاشلارنى پارچە-پارچە قىلىۋېتىدىغان بازغاندەك زەربە بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بىر-بىرىدىن ئالغان ئۇچۇرلارنى ‹پەرۋەردىگاردىن كەلگەن› دەپ جاكارلايدىغان بۇنداق پەيغەمبەرلەرگە قارشى تۇرىمەن. مەن ‹پەرۋەردىگاردىن كەلگەن› دەپ ئۆزلىرى توقۇۋالغان سۆزلەرنى تارقىتىدىغان ساختا پەيغەمبەرلەرگە قارشى تۇرىمەن. مەن ‹پەرۋەردىگار چۈشۈمدە سۆز قىلدى› دەپ يالغان ۋەھىي يەتكۈزۈپ، خەلقىمنى ئازدۇرغان ساختا پەيغەمبەرلەرگە قارشى تۇرىمەن. ئۇ ساختا پەيغەمبەرلەرنى مەن ئەۋەتمىدىم. مەن ھېچقاچان ئۇلارنى پەيغەمبەرلىككە تەيىنلىگەن ئەمەس. ئۇلار خەلقىمگە ھېچقانداق ياخشىلىق ئەكېلەلمەيدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!» پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئەگەر بۇ پەيغەمبەرلەر، روھانىيلار ياكى باشقا كىشىلەردىن بىرەرسى سەندىن: «پەرۋەردىگار بىزگە نېمە يۈكلەرنى يۈكلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى؟» دەپ سورىسا، سەن ئۇلارغا: «سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلار بىر يۈك! شۇڭلاشقا پەرۋەردىگار سىلەردىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى ئېيتتى» دەپ جاۋاب بەرگىن. ئەگەر بىرەر ساختا پەيغەمبەر، روھانىي ياكى باشقا بىر كىشى: «ماڭا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلدى» دەيدىكەن، مەن بۇنداق ئادەمنى پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن قوشۇپ جازالايمەن. ئۇلار چوقۇم ئۆزئارا: «پەرۋەردىگار نېمە دەپ جاۋاب بەردى؟» ياكى «پەرۋەردىگار نېمە دەيدۇ؟» دەپ سورىسۇن. ئۇلار «ماڭا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلدى» دېگەن يالغان سۆزىنى توختاتسۇن. چۈنكى كىشىلەر شۇنداق دېيىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنىڭ نوپۇزىنى تىكلىمەكچى. ئۇلار مەن خۇدانىڭ، يەنى مەڭگۈ ھايات قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى بۇرمىلىدى. ھەممە ئادەم: «پەرۋەردىگار نېمە دەپ جاۋاب بەردى؟» ياكى «پەرۋەردىگار نېمە دەيدۇ؟» دەپ سورىسۇن. لېكىن ئۇلار: «بۇ، پەرۋەردىگاردىن كەلگەن ۋەھىي!» دەپ جاۋاب بەرسە، سەن ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «پەرۋەردىگار دەيدۇكى، مەن پەرۋەردىگار سىلەرنى ‹بۇ پەرۋەردىگاردىن كەلگەن ۋەھىي!› دېيىشىڭلارنى توختات، دەپ ئاگاھلاندۇرغان بولساممۇ، لېكىن سىلەر يەنىلا شۇ سۆزنى قىلغىنىڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇيمەن. سىلەرگە ۋە ئەجدادلىرىڭلارغا بەرگەن بۇ شەھەرنى سىلەر بىلەن قوشۇپ، كۆز ئالدىمدىن يوق قىلىمەن. مەن سىلەرنى مەڭگۈلۈك ئۇياتقا ۋە مەڭگۈ ئۇنتۇلۇپ كېتەلمەيدىغان شەرمەندىچىلىككە قويىمەن.» بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر يىھوياقىمنىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىننى يەھۇدىيە ئەمەلدارلىرى، ھۈنەرۋەنلەر ۋە تۆمۈرچىلەر بىلەن بىرگە بابىلغا سۈرگۈن قىلغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ماڭا بۇ غايىبانە ئالامەتنى كۆرسەتتى. مەن يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدا ئىككى سېۋەت ئەنجۈرنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. بىر سېۋەتتىكىسى تۇنجى پىشقان ناھايىتى ياخشى ئەنجۈرلەر ئىدى. يەنە بىر سېۋەتتىكىسى ناھايىتى ناچار ئەنجۈرلەر بولۇپ، يېگىلىمۇ بولمايتتى. پەرۋەردىگار ماڭا: _ ئەي يەرەمىيا، نېمىنى كۆردۈڭ؟ _ دەپ سورىدى. مەن: _ ئەنجۈر كۆردۈم. ياخشىلىرى ناھايىتى ياخشى ئىكەن، لېكىن ناچارلىرى ناچارلىقىدىن يېگىلىمۇ بولمايدىكەن، _ دەپ جاۋاب بەردىم. پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ مەن پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيمەن: «ياخشى ئەنجۈرلەر مەن يەھۇدىيەدىن بابىل زېمىنىغا سۈرگۈن قىلغان ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ. مەن ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىمەن. ئۇلارنى قوغدايمەن ۋە بۇ زېمىنغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. ئۇلارنى قۇدرەتلىك قىلىمەن، ئاغدۇرمايمەن. ئۇلارنى بۇ زېمىندا ئۆستۈرىمەن، قومۇرۇپ تاشلىمايمەن. مەن ئۇلارغا مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىدىغان قەلب ئاتا قىلىمەن. ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ، شۇنداقلا مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. چۈنكى ئۇلار چىن يۈرىكى بىلەن مېنىڭ يولۇمغا قايتىپ كېلىدۇ. لېكىن مەن ساڭا ئېيتايكى، ناچار ئەنجۈرلەر يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيا، ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى، يېرۇسالېمدا قالغان كىشىلەر ۋە مىسىردا ياشايدىغانلارنى كۆرسىتىدۇ. مەن ئۇلارغا خۇددى سېسىپ يېگىلى بولمايدىغان ناچار ئەنجۈرلەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىمەن. مەن ئۇلارغا دۇنيادىكى بارلىق ئەللەر چۆچۈپ كەتكۈدەك بىر بالايىئاپەت چۈشۈرىمەن. كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن كۈلۈشىدۇ، مەسخىرە قىلىشىدۇ ۋە ئۇلارنى خارلايدۇ. مەن ئۇلارنى چېچىۋەتكەن ھەرقانداق يەرلەردە ئۇلارنىڭ نامى قارغىش سۆزىگە ئوخشاش تىلغا ئېلىنىدۇ. مەن ئۇلارغا ۋە ئەجدادلىرىغا بەرگەن زېمىندا تاكى ئۇلار تەلتۆكۈس يوقىتىلغۇچە، ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكلەرنى ئېلىپ كېلىمەن.» يوشىيانىڭ ئوغلى يىھوياقىمنىڭ يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقىنىڭ 4-يىلى، يەنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىغان يىلى، پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا يەھۇدىيەنىڭ بارلىق پۇقرالىرى توغرىسىدا ۋەھىي كەلدى. يەرەمىيا يەھۇدىيەدىكى بارلىق خەلققە ۋە يېرۇسالېمدا ياشاۋاتقان بارلىق كىشىلەرگە مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگاردىن ماڭا ۋەھىي كېلىۋاتقىلى 23 يىل بولدى. ئاموننىڭ ئوغلى يوشىيانىڭ يەھۇدىيە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 13-يىلدىن باشلاپ تاكى بۈگۈنگىچە پەرۋەردىگار ئۆز ۋەھىيسىنى ماڭا ئايان قىلىپ كەلمەكتە. مەن سىلەرگە بۇ ۋەھىيلەرنى قايتا-قايتا يەتكۈزۈپ كەلدىم. لېكىن سىلەر ئۇلارغا قۇلاق سالمىدىڭلار. پەرۋەردىگار سىلەرگە ئۆزىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلەرنى قايتا-قايتا ئەۋەتىپ كەلدى. لېكىن سىلەر كۆڭۈل قويۇپ، ئاڭلىمىدىڭلار. پەرۋەردىگار سىلەرگە ئۇلار ئارقىلىق مۇنداق دېدى: «ھەممىڭلار يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، قىلىۋاتقان رەزىل ئىشلىرىڭلارنى توختىتىڭلار. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، مەن سىلەرگە ۋە سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلارغا مەڭگۈلۈك ئاتا قىلغان بۇ زېمىندا سىلەرنى ياشاشقا قويىمەن. باشقا ئىلاھلارنى ئىزدەپ، ئۇلارغا چوقۇنماڭلار ۋە سەجدە قىلماڭلار. ئۆز قولۇڭلار بىلەن ياسىۋالغان بۇت ئىلاھلار بىلەن غەزىپىمنى قوزغىماڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، مەن سىلەرگە زىيان يەتكۈزمەيمەن.» لېكىن ھازىر پەرۋەردىگار سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر سۆزۈمنى ئاڭلاشنى رەت قىلدىڭلار. ئۆز قولۇڭلار بىلەن ياسىۋالغان بۇتلار ئارقىلىق غەزىپىمنى قوزغىدىڭلار. شۇ سەۋەبتىن ئۆز بېشىڭلارغا ئۆزۈڭلار بالا-قازا ئېلىپ كەلدىڭلار. سىلەر سۆزلىرىمگە ئىتائەت قىلمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن، مەن، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، مەن شىمالدىكى بارلىق خەلقلەرنى ۋە ‹خىزمەتكارىم› بولغان بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنى چاقىرىپ ئەكېلىمەن. ئۇلارنى يەھۇدىيە ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرىغا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق قوشنا ئەللەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا ئاتلاندۇرىمەن. مەن بۇ خەلقنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قوشنا ئەللەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىمەن، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى مەڭگۈلۈك خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن. مەن ئۇلارنى ئادەمنى چۆچۈتىدىغان قورقۇنچلۇق ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى مەسخىرە نىشانى قىلىمەن. مەن خۇشاللىق ۋە كۈلكە سادالىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلايمەن. توي قىلغان يىگىتلەر ۋە كېلىنچەكلەرنىڭ شادلىق ئاۋازلىرى ئەمدى ھەرگىز ئاڭلانمايدۇ. ئۇن تارتىۋاتقان تۈگمەنلەرنىڭ غىچىرلاشلىرى توختايدۇ. ئۆيلەردىكى يېنىۋاتقان چىراغلار ئۆچۈرۈلىدۇ. پۈتۈن زېمىن تاشلىنىپ قالغان بىر قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ ۋە بۇ يەردىكى خەلقلەر بابىل پادىشاھىغا يەتمىش يىل قۇل بولىدۇ. لېكىن يەتمىش يىل توشقاندا، مەن بابىل پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ خەلقىنى قىلغان گۇناھلىرى ئۈچۈن جازالايمەن. مەن بابىلنىڭ زېمىنلىرىنى مەڭگۈلۈك خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر! مەن بۇ زېمىنغا قارشى ئېيتقان بارلىق سۆزلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. ئۇ خەلقلەر توغرىسىدا يەرەمىيا ئارقىلىق يەتكۈزگەن، بۇ يازمىغا پۈتۈلگەن بارلىق ۋەھىيلىرىمنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمەن. نۇرغۇن خەلقلەر ۋە ئۇلۇغ پادىشاھلار بابىل پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ خەلقىنى قۇل قىلىدۇ. مەن ئۇلارنى ئۆز قىلمىشلىرىغا يارىشا جازالايمەن.» پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا بىر غايىبانە ئالامەت ئارقىلىق مەن يەرەمىياغا مۇنداق دېدى: _ قولۇمدىكى قەدەھنى ئالغىن، بۇ قەدەھ غەزىپىم شارابىغا تولغاندۇر. سېنى ئەۋەتىدىغان ئەللەرگە بۇ قەدەھتىكى شارابتىن ئىچكۈزگىن. ئۇلار بۇ قەدەھتىكى شارابنى ئىچكەندە، دەلدەڭشىپ قالىدۇ، ئەقلىدىن ئازىدۇ. چۈنكى مەن ئۇلارغا ئۇرۇش ئاچىمەن. شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ قەدەھنى پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىن ئېلىپ، ئۇ مېنى ئەۋەتكەن ئەللەردىكى بارلىق خەلقلەرگە ئىچكۈزدۈم. مەن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەر-يېزىلىرىغا باردىم. ئۇلارنىڭ پادىشاھى ۋە ئەمەلدارلىرى بۇ غەزەپ شارابىدىن ئىچتى. شۇ كۈندىن باشلاپ بۈگۈنگە قەدەر، ئۇلار پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ، ئادەملەرنى چۆچۈتىدىغان ھالغا كېلىپ قالدى ھەم مەسخىرە نىشانىغا ئايلاندى. ئۇلارنىڭ نامى قارغىش سۆزى ئورنىدا تىلغا ئېلىنىدىغان بولدى. مەن بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە بۇ غەزەپ شارابىنى ئىچكۈزىمەن. يەنى مىسىر پادىشاھى، ئۇنىڭ مەسلىھەتچىلىرى، ئەمەلدارلىرى، خەلقلىرى، مىسىردا ياشاۋاتقان ياقا يۇرتلۇقلار، ئۇز زېمىنىنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، ئاشقىلون، گازا، ئەقرون خەلقلىرى، ئاشدودتا ھايات قالغانلار، ئىدوم، موئاب، ئامموننىڭ بارلىق خەلقلىرى، تىرنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، سىدوننىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدىكى زېمىنلارنىڭ پادىشاھلىرى، دىدان، تەما، بۇز خەلقلىرى، چەت-ياقا جايلاردا ياشاۋاتقان خەلقلەر، قۇملۇقلاردا ياشاۋاتقان ئەرەبلەرنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، زىمرىنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، ئېلامنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، مىدىيانىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، شىمالنىڭ يىراق-يېقىندىكى بارلىق پادىشاھلىرى ۋە يەر يۈزىدە ياشاۋاتقان باشقا بارلىق پادىشاھلار پەرۋەردىگارنىڭ غەزەپ شارابىنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، بابىل پادىشاھى ئىچىدۇ. ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئۇلارغا ئېيتقىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ‹بۇ شارابتىن سىلەر تاكى مەست بولۇپ ياندۇرغۇچە ئىچىڭلار. سىلەر تاكى يىقىلىپ چۈشۈپ ئورنۇڭلاردىن تۇرالمىغانغا قەدەر ئىچىڭلار. چۈنكى مەن سىلەرگە ئۇرۇش ئاچىمەن.›» پەرۋەردىگار ماڭا يەنە مۇنداق دېدى: _ ئەگەر ئۇلار قەدەھنى سېنىڭ قولۇڭدىن ئېلىپ ئىچىشنى رەت قىلسا، ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ‹سىلەر چوقۇم ئىچىشىڭلار كېرەك! قاراڭلار، مەن ئۆزۈمگە تەۋە قىلغان بۇ شەھەرگە ئاللىقاچان بالايىئاپەت كەلتۈرۈشنى باشلىدىم. شۇڭا سىلەر قانداقمۇ جازالىنىشتىن قېچىپ قۇتۇلالايسىلەر؟ سىلەر جازالانماي قالمايسىلەر! چۈنكى مەن يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە قارشى ئۇرۇش جاكارلاۋاتىمەن. بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.›» ئەي يەرەمىيا! ھازىر سەن بۇ سۆزلەرنى ئۇلارغا ئېيتقىن: «پەرۋەردىگار ئەرشتە شىرغا ئوخشاش ھۆركىرەيدۇ. ئۇ مۇقەددەس ماكانىدا تۇرۇپ، گۈلدۈرلەيدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ خەلقىگە قارشى ھۆركىرەپ، خۇددى ئۈزۈم يانجىۋاتقان ئادەمدەك توۋلايدۇ. ئۇ يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل ئىنسانغا ۋارقىرايدۇ. ئۇرۇش ئاۋازلىرى زېمىننىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە ئاڭلىنىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار خەلقلەرنى سوراققا تارتىدۇ. ئۇ بارلىق ئىنسانلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، رەزىللەرنى ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلۈشكە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. مانا بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!» قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «قاراڭلار، بالايىئاپەت ئەلدىن ئەلگە يامراۋاتىدۇ. كۈچلۈك بوران زېمىننىڭ ئۇ چېتىدىن كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ.» شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر جاھاننىڭ ئۇ چېتىدىن تاكى بۇ چېتىگىچە ھەممە يەردە ياتىدۇ. ھېچكىم ئۇلار ئۈچۈن قايغۇرمايدۇ ياكى ئۇلارنى يىغىپ دەپنە قىلمايدۇ. بەلكى ئۇلار خۇددى گەندىدەك تاشلىنىپ قالىدۇ. بۇ ئەللەرنىڭ سەركىلىرى قايغۇرۇپ نالە-پەرياد قىلسۇن! بۇ خەلقلەرنىڭ يولباشچىلىرى چاڭ-توزانلارغا مىلىنىپ ياتسۇن! چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆلتۈرۈلىدىغان ۋاقتى كەلدى. ئۇلار يىقىلىپ چۈشۈپ، خۇددى ئېسىل چىنىدەك سۇنىدۇ. بۇ ئەللەرنىڭ سەركىلىرىگە يوشۇرۇنغۇدەك يەر قالمايدۇ. خەلقلەرنىڭ يولباشچىلىرى قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ! سەركىلەرنىڭ يىغا-زارى ۋە يولباشچىلارنىڭ نالە-پەريادلىرىنى ئاڭلاڭلار. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ۋەيران قىلىۋاتىدۇ. تىنچ يايلاقلار پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپىدە ۋەيران بولىدۇ. ئۆڭكۈرىدىن ئايرىلىۋاتقان شىرغا ئوخشاش، پەرۋەردىگار بۇ زېمىندىن ئايرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ زېمىنى زۇلۇم سالغۇچىنىڭ قىلىچى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپىدىن خارابىلىككە ئايلىنىدۇ. يوشىيانىڭ ئوغلى يىھوياقىم يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىغاندا، پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق دېدى: _ سەن ئىبادەتخانامنىڭ ھويلىسىغا بېرىپ تۇرغىن. يەھۇدىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن ئىبادەتخانامغا ئىبادەت قىلغىلى كەلگەن بارلىق كىشىلەرگە سۆز قىلغىن. مەن ساڭا ئۇلارغا ئېيتىشنى ئەمر قىلغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى بىرنىمۇ قالدۇرماي يەتكۈزگىن. بەلكىم بۇ كىشىلەر سېنىڭ سۆزۈڭنى ئاڭلاپ، رەزىل يوللىرىدىن قايتىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇلار شۇنداق قىلسا، مەن ئۇلارنىڭ قىلغان رەزىل قىلمىشلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى ۋەيران قىلىش نىيىتىمدىن يانىمەن. ئۇلارغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹سىلەر سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىپ، مەن كۆرسەتكەن يولدا مېڭىڭلار! سىلەر چوقۇم مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار! مەن ئۇلارنى سىلەرگە قايتا-قايتا ئەۋەتتىم، لېكىن سىلەر ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە پەرۋا قىلمىدىڭلار. شۇڭا مەن بۇ ئىبادەتخانىنى خۇددى شىلو شەھىرىنى گۇمران قىلغاندەك گۇمران قىلىمەن. دۇنيادىكى ھەممە خەلقلەر بۇ شەھەرنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ قارغايدۇ.›» روھانىيلار، ساختا پەيغەمبەرلەر ۋە بارلىق كىشىلەر يەرەمىيانىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئېيتقانلىرىنى ئاڭلىدى. يەرەمىيا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغانلىرىنى خەلققە سۆزلەپ بولغان ھامان روھانىيلار، ساختا پەيغەمبەرلەر ۋە بارلىق كىشىلەر ئۇنى تۇتۇپ: _ سەن ئۆلۈشكە لايىق! سەن پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن، بۇ ئىبادەتخانا خۇددى شىلو شەھىرىگە ئوخشاش گۇمران بولىدۇ، بۇ شەھەر ھېچكىم ياشىيالمىغۇدەك دەرىجىدە ۋەيران قىلىنىپ خارابىلىككە ئايلىنىدۇ، دەپ بېشارەت بېرىشكە قانداق جۈرئەت قىلدىڭ؟! _ دېدى ۋە ئەتراپىدىكى ھەممە كىشىلەر ئۇنى قورشىۋالدى. يەھۇدىيە ئەمەلدارلىرى نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇلار پادىشاھ ئوردىسىدىن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ناھايىتى تېزلا يېتىپ كەلدى. ئۇلار ئىبادەتخانىنىڭ «يېڭى دەرۋازا» دەپ ئاتالغان كىرىش ئېغىزىدا سوت ئاچتى. ئاندىن روھانىيلار ۋە ساختا پەيغەمبەرلەر ئەمەلدارلار ۋە پۈتۈن خەلققە مۇنداق دېدى: _ بۇ ئادەم ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى كېرەك. چۈنكى ئۇ بۇ شەھەر ھەققىدە يامان ۋەھىي يەتكۈزدى. سىلەر ئۇنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئۆز قۇلىقىڭلار بىلەن ئاڭلىدىڭلار. ئاندىن يەرەمىيا بارلىق ئەمەلدارلار ۋە خەلققە مۇنداق دېدى: _ سىلەر مەندىن ئاڭلىغان بۇ ئىبادەتخانا ۋە بۇ شەھەرگە قارشى ئېيتىلغان بارلىق ۋەھىيلەرنى سىلەرگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن پەرۋەردىگار مېنى ئەۋەتتى. شۇڭا ھازىر قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى ۋە مېڭىۋاتقان يولۇڭلارنى ئۆزگەرتىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار پەرۋەردىگار سىلەرگە بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىش نىيىتىدىن يانىدۇ. ماڭا كەلسەك، مەن سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا، سىلەر ياخشى ۋە توغرا دەپ قارىغىنىڭلار بويىچە مېنى بىر تەرەپ قىلىڭلار. لېكىن شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، ئەگەر مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولساڭلار، سىلەر، بۇ شەھەر ۋە ئۇنىڭدا ياشايدىغان كىشىلەر بىر گۇناھسىز ئادەمنىڭ قېنىنى تۆككەن بولىسىلەر. چۈنكى پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن مېنى بۇ سۆزلەرنى سىلەرگە يەتكۈزۈشكە ئەۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئەمەلدارلار ۋە بارلىق خەلق روھانىيلارغا ۋە ساختا پەيغەمبەرلەرگە مۇنداق دېدى: _ بۇ ئادەم ئۆلۈمگە لايىق ئەمەس! ئۇ پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ نامىدا بىزگە سۆزلەپتىغۇ. ئاندىن يەھۇدىيەنىڭ بىر قىسىم ئاقساقاللىرى ئالدىغا چىقىپ، توپلانغان خەلققە مۇنداق دېدى: _ پادىشاھ خىزكىيا يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ۋاقىتلاردا، موراشىتلىك مىكاھ يەھۇدىيەدىكى بارلىق خەلققە ۋەھىي يەتكۈزۈپ: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹سىئون تېغى خۇددى ئېتىزلاردەك ئاغدۇرۇلىدۇ، يېرۇسالېم خارابىلىككە ئايلىنىدۇ، ئىبادەتخانا جايلاشقان تاغنى چاتقاللار قاپلايدۇ›» دېگەنىدى. لېكىن يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىيا ۋە پۈتكۈل خەلق مىكاھنى ئۆلتۈرگەنمۇ؟ ياق! خىزكىيا پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مېھىر-شەپقىتىنى تىلىگەن. شۇڭا، پەرۋەردىگار ئۇلارغا بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىش نىيىتىدىن يانغان. لېكىن بىز بولساق ئۆز بېشىمىزغا تېخىمۇ چوڭ بالا-قازا ئېلىپ كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز. (شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ۋەھىي يەتكۈزۈۋاتقان يەنە بىر پەيغەمبەر بار ئىدى. ئۇ بولسا قىريات-يىئارىمدىن كەلگەن شىمايانىڭ ئوغلى ئۇرىيا ئىدى. ئۇمۇ يەرەمىياغا ئوخشاش بۇ شەھەر ۋە زېمىنغا قارشى ۋەھىيلەرنى يەتكۈزگەنىدى. پادىشاھ يىھوياقىم ۋە ئۇنىڭ لەشكەر باشلىرى، ئەمەلدارلىرى ئۇرىيانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا قەست قىلماقچى بولۇشقانىدى. لېكىن ئۇرىيا بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، ناھايىتى قورقۇپ، مىسىرغا قېچىپ كەتكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ يىھوياقىم ئاكبورنىڭ ئوغلى ئەلناتاننى بىرنەچچە ئادەم بىلەن مىسىرغا ئەۋەتكەنىدى. ئۇلار ئۇرىيانى مىسىردىن قايتۇرۇپ كېلىپ، پادىشاھ يىھوياقىمنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلگەنىدى. پادىشاھ يىھوياقىم ئۇرىيانى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ جەسىتىنى پۇقرالار قەبرىستانلىقىغا تاشلىۋەتكەنىدى.) شافاننىڭ ئوغلى ئاخىقام يەرەمىيا تەرەپتە تۇردى، يەرەمىيانى ئۆلتۈرمەكچى بولغان كىشىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلۇشىغا يول قويمىدى. يوشىيانىڭ ئوغلى زىدقىيا يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا، پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق دېدى: _ خۇرۇم تاسما ۋە ياغاچتىن بىر بويۇنتۇرۇق ياساپ، ئۇنى بوينۇڭغا سالغىن. ئاندىن پادىشاھ زىدقىيا بىلەن كۆرۈشكىلى يېرۇسالېمغا كەلگەن ئىدوم، موئاب، ئاممون، تىر ۋە سىدوننىڭ ئەلچىلىرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىغا بۇ سۆزلەرنى يەتكۈزگىن. ئەلچىلەرنىڭ ئۆز پادىشاھلىرىغا يەتكۈزۈشى ئۈچۈن بۇ سۆزلەرنى ئېيتقىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا پادىشاھلىرىڭلارغا بۇ سۆزلەرنى يەتكۈزۈشۈڭلارنى ئەمر قىلدى: مەن يۈكسەك كۈچ-قۇدرىتىم ۋە ھەممىگە قادىر قولۇم بىلەن دۇنيانى، يەر يۈزىدىكى ئىنسانلارنى ۋە ھايۋاناتلارنى ياراتتىم. مەن ئۇلارنى كىمگە بېرىشنى خالىسام، شۇنىڭغا بېرىمەن. مەن ھازىر بارلىق ئەللەرنى خىزمەتكارىم بولغان بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن. ھەتتا بارلىق ھايۋاناتلارنىمۇ ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا تاپشۇرىمەن. كېيىن نۇرغۇن ئەللەر ۋە كۈچلۈك پادىشاھلار بابىلنى بويسۇندۇرىدۇ. لېكىن بۇ ۋاقىت كەلگۈچە، بارلىق ئەللەر بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرگە، ئوغلىغا ۋە نەۋرىسىگە خىزمەت قىلىدۇ. ئەمما قايسىبىر ئەل ياكى پادىشاھلىق ئۇنىڭ بويۇنتۇرۇقىدا، يەنى خىزمىتىدە بولمىغۇچە، مەن شۇ ئەللەرنى ئۇ ئارقىلىق جازالايمەن. ئۇلار ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكلەردە ۋەيران بولىدۇ. شۇڭا ساختا پەيغەمبەرلىرىڭلارنىڭ ياكى پالچىلىق، چۈش ئۆرۈش، ئۆلۈكلەردىن مەسلىھەت سوراش ياكى سېھىرگەرلىك قىلىش ئارقىلىق كەلگۈسىنى مۆلچەرلەيدىغان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىماڭلار. ئۇلار سىلەرگە دائىم: ‹سىلەرنىڭ بابىل پادىشاھىغا خىزمەت قىلىشىڭلارنىڭ ھاجىتى يوق› دەپ ئېيتىدۇ. ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىماڭلار، چۈنكى ئۇلارنىڭ ۋەھىيلىرى يالغان. ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاش پەقەت ئۆز زېمىنىڭلاردىن ئايرىلىپ، يىراق جايلارغا سۈرگۈن قىلىنىشىڭلارغا سەۋەبچى بولىدۇ. ئەگەر سۆزۈمگە قۇلاق سالمىساڭلار، مەن سىلەرنى ئۆز زېمىنىڭلاردىن قوغلاپ چىقىرىمەن، سىلەر سۈرگۈن قىلىنغان زېمىندا ئۆلىسىلەر. لېكىن ھەرقانداق بىر ئەل ئۆز بوينىدىكى بويۇنتۇرۇقنى بىلىپ يېتىپ، بابىل پادىشاھىغا بويسۇنۇپ، ئۇنىڭغا خىزمەت قىلسا، مەن ئۇ ئەلنى ئۆز زېمىنىدا قالدۇرۇپ، زىرائەت تېرىپ ياشىشىغا يول قويىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.» ئاندىن مەنكى يەرەمىيا ئوخشاش بىر ۋەھىينى يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىياغا تەكرارلاپ، مۇنداق دېدىم: _ ئەگەر سىلەر ياشاشنى خالىساڭلار، بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقىغا كىرىڭلار، ئۇنىڭغا بويسۇنۇڭلار. ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە خىزمەت قىلىڭلار. خەلقىڭلارنىڭ بىكاردىن ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىشىنىڭ نېمە پايدىسى بار؟! بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ بابىل پادىشاھىغا خىزمەت قىلىشنى خالىمايدىغان ھەرقانداق ئەلنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئىشلاردىن ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. سىلەرگە «بابىل پادىشاھىغا خىزمەت قىلمىساڭلارمۇ بولىدۇ» دەپ سۆزلەۋاتقان ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار. چۈنكى ئۇلار سىلەرگە يالغان ۋەھىي يەتكۈزۈۋاتىدۇ. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇلارنى ئەۋەتكەن ئەمەس. ئۇلار سىلەرگە مېنىڭ نامىمدا يالغان ۋەھىي يەتكۈزۈۋاتىدۇ. ئەگەر سىلەر ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالساڭلار، مەن سىلەرنى ۋە يالغان ۋەھىي يەتكۈزۈۋاتقان شۇ پەيغەمبەرلەرنى زېمىنىڭلاردىن قوغلاپ چىقىرىمەن. ھەممىڭلار سۈرگۈن قىلىنغان زېمىندا ئۆلىسىلەر.» ئاندىن مەن يەرەمىيا روھانىيلار ۋە بارلىق خەلققە مۇنۇلارنى دېدىم: _ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «‹پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن ئېلىپ كېتىلگەن ئالتۇن بۇيۇملار پات يېقىندا بابىلدىن قايتۇرۇپ كېلىنىدۇ› دەپ ۋەھىي يەتكۈزگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالماڭلار. ئۇلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ ھەممىسى يالغان! ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىماي، بابىل پادىشاھىغا خىزمەت قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار داۋاملىق ھايات قالىسىلەر! شەھىرىڭلارنى نېمىشقا خارابىلىككە ئايلاندۇرىسىلەر؟» مەن يەرەمىيا ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدىم: _ ئەگەر ئۇلار ھەقىقىي پەيغەمبەر بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىيلىرىنى يەتكۈزگۈچىلەر بولسا، ئۇلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا چىن دىلىدىن دۇئا قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا، پادىشاھ ئوردىسىدا ۋە يېرۇسالېمدا قېلىپ قالغان قىممەتلىك بۇيۇملارنىڭ بابىلغا ئېلىپ كېتەلمەسلىكىنى تىلىسۇن. چۈنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدىكى تۇچتىن ياسالغان تۈۋرۈكلەر، «دېڭىز» دەپ ئاتالغان تۇچ داڭقان، ئىبادەتخانىدىكى تۇچ ھارۋىلار ۋە بۇ شەھەردىكى بارلىق قىممەتلىك بۇيۇملار توغرىسىدا ئالدىن بېشارەت بەرگەنىدى. بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر يىھوياقىمنىڭ ئوغلى يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىننى يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرگە بابىلغا سۈرگۈن قىلغاندا، ئۇ، بۇ بۇيۇملارنى بۇ يەردە قالدۇرغانىدى. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ئىبادەتخانا، يەھۇدىيە پادىشاھى ئوردىسى ۋە يېرۇسالېمدا قالغان قىممەتلىك بۇيۇملار توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بابىلغا ئېلىپ كېتىلىدۇ. تاكى مەن ئۇلارنى قايتۇرۇپ ئەكەلگۈچە، ئۇلار شۇ جايدا تۇرىدۇ. ئاندىن مەن ئۇلارنى يەنە يېرۇسالېمغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.» يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيانىڭ يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا، يەنى ئۇنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزگىنىگە تۆت يىل بەش ئاي بولغان ۋاقىتتا، ئاززۇرنىڭ ئوغلى، يەنى گىبئونلۇق پەيغەمبەر خانانيا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا يەرەمىياغا سۆز قىلدى. ئۇ روھانىيلار ۋە بارلىق كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «مەن بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى چېقىپ تاشلايمەن. بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر بۇ جايدىن بابىلغا يۆتكەپ كەتكەن بارلىق نەرسىلەرنى مەن ئىككى يىل ئىچىدە ئورنىغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىمەن. مەن يەنە يىھوياقىمنىڭ ئوغلى يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىننى ۋە بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغان بارلىق كىشىلەرنى بۇ جايغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، مەن بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى چېقىپ تاشلايمەن!». ئاندىن يەرەمىيا پەيغەمبەر پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا تۇرۇۋاتقان روھانىيلار ۋە بارلىق كىشىلەرنىڭ ئالدىدا خانانيا پەيغەمبەرگە جاۋاب قايتۇرۇپ، مۇنداق دېدى: _ شۇنداق بولسۇن! پەرۋەردىگار شۇنداق قىلغاي! پەرۋەردىگار بېشارەتلىرىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرغاي. پەرۋەردىگار ئىبادەتخانىسىدىن بابىلغا ئېلىپ كېتىلگەن بارلىق قىممەتلىك بۇيۇملارنى ۋە ئۇ يەرگە سۈرگۈن قىلىنغان بارلىق كىشىلەرنى بۇ جايغا قايتۇرۇپ ئەكەلگەي. لېكىن ھازىر سىز بارلىق كىشىلەر ئالدىدا مېنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭ. بىزدىن بۇرۇن ياشىغان پەيغەمبەرلەر نۇرغۇنلىغان ئەللەر ۋە بۈيۈك پادىشاھلىقلارغا كېلىدىغان ئۇرۇش، بالايىئاپەت ۋە كېسەللىكلەر ھەققىدە ۋەھىي يەتكۈزۈپ كەلگەنىدى. ئەگەر بىر پەيغەمبەر تىنچلىق توغرىسىدا ۋەھىي يەتكۈزسە، ئۇنىڭ ئېيتقانلىرى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلىنىشى كېرەك. شۇندىلا بىز ئۇنىڭ پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئەۋەتكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. ئاندىن پەيغەمبەر خانانيا يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ بوينىدىكى بويۇنتۇرۇقنى ئېلىپ بۇزۇۋەتتى. خانانيا بارلىق كىشىلەرنىڭ ئالدىدا: _ پەرۋەردىگار: «خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، مەن ئىككى يىل ئىچىدە بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ بارلىق ئەللەرگە سالغان بويۇنتۇرۇقىنى چېقىپ تاشلايمەن» دەيدۇ، _ دېدى. خانانيا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۇ يەردىن كەتتى. لېكىن خانانيا يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ بوينىدىكى بويۇنتۇرۇقنى ئېلىپ، چېقىپ تاشلىغاندىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەي، پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق دېدى: _ بېرىپ، خانانياغا مەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇ سۆزىنى يەتكۈزگىن: «ئى خانانيا، سەن ياغاچ بويۇنتۇرۇقنى چېقىپ تاشلىدىڭ. لېكىن سەن ئۇنىڭ ئورنىغا بىر تۆمۈر بويۇنتۇرۇقنى سالدىڭ. مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيمەنكى، مەن بارلىق ئەللەرنىڭ بوينىغا تۆمۈر بويۇنتۇرۇق سالىمەن. ئاندىن ئۇلار بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرگە خىزمەت قىلىدۇ، ئۇلار چوقۇم ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىدۇ. مەن ھەتتا نىبۇكادنەزەرگە ياۋايى ھايۋانلارنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنىمۇ بېرىمەن.» يەرەمىيا پەيغەمبەر يەنە خانانياغا مۇنداق دېدى: _ ياخشى ئاڭلا، خانانيا! سېنى پەرۋەردىگار ئەۋەتكەن ئەمەس. سەن بۇ خەلقنى يالغان سۆزلىرىڭگە ئىشەندۈرۈۋاتىسەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «مەن سېنى يەر يۈزىدىن يوقىتىمەن. سەن بۇ يىل ئۆلىسەن! چۈنكى سەن كىشىلەرنى مەن پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىشقا كۈشكۈرتتۈڭ». شۇ يىلنىڭ يەتتىنچى ئېيىدا خانانيا ئۆلدى. يەرەمىيا پەيغەمبەر نىبۇكادنەزەر تەرىپىدىن يېرۇسالېمدىن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغانلارغا بىر پارچە خەت ئەۋەتتى. ئۇ خەت ھايات قالغان ئاقساقاللار، روھانىيلار، پەيغەمبەرلەر ۋە بابىلدا سۈرگۈندە تۇرۇۋاتقان باشقا بارلىق كىشىلەرگە يېزىلغانىدى. (بۇ ئىش پادىشاھ يىھوياكىن، خان ئانىسى، ئوردا ئەمەلدارلىرى، يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمنىڭ ئەمەلدارلىرى، ھۈنەرۋەنلەر ۋە تۆمۈرچىلەر يېرۇسالېمدىن سۈرگۈن قىلىنغاندىن كېيىن يۈز بەرگەنىدى.) ئۇ خەتنى شافاننىڭ ئوغلى ئەلئاسا ۋە خىلقىيانىڭ ئوغلى گىماريا ئارقىلىق ئەۋەتتى. ئۇلارنى بابىلغا، يەنى پادىشاھ نىبۇكادنەزەرنىڭ قېشىغا يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيا ئەۋەتكەنىدى. «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا يېرۇسالېمدىن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغان بارلىق كىشىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ‹ئۆيلەرنى سېلىپ، ئۇنىڭدا ماكانلىشىڭلار. كۆكتاتلىقلارنى بەرپا قىلىڭلار، ئېلىنغان ھوسۇلدىن يەڭلار. توي قىلىپ پەرزەنتلىك بولۇڭلار. ئوغۇللىرىڭلارنى ئۆيلەپ، قىزلىرىڭلارنى ياتلىق قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئۇلارمۇ پەرزەنتلىك بولىدۇ. ئۇ يەردە كۆپىيىڭلار، سانىڭلار ئازايمىسۇن. سىلەر سۈرگۈن قىلىنغان شەھەرنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئىشلەڭلار ۋە شۇ شەھەر ئۈچۈن مەن پەرۋەردىگاردىن تىلەپ، دۇئا قىلىڭلار. چۈنكى ئۇ شەھەر گۈللەنسە، سىلەرمۇ گۈللىنىسىلەر.› قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ‹ئاراڭلاردىكى ساختا پەيغەمبەرلەر ۋە پالچىلار سىلەرنى ئالداپ كەتمىسۇن. ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىڭلارغا خۇش ياقىدىغان چۈشلىرىگە ئىشەنمەڭلار. بۇ ئادەملەر مېنىڭ نامىم بىلەن يالغاندىن ۋەھىي يەتكۈزۈۋاتىدۇ. مەن، پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، مەن ئۇلارنى ئەۋەتمىدىم!› پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: ‹بابىلدىكى يەتمىش يىلىڭلار توشقاندا، مەن كېلىپ، سىلەرگە ۋەدە بەرگەن بارلىق ياخشى ئىشلارنى قىلىمەن ۋە سىلەرنى ئۆز زېمىنىڭلارغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. چۈنكى مەن سىلەرگە نېمە ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىمنى بىلىمەن. مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ سىلەرگە زەخمەت يەتكۈزىدىغان ئەمەس، بەلكى سىلەرنى گۈللەندۈرۈپ، ئۈمىدكە تولغان كەلگۈسىنى ئاتا قىلىدىغان ئورۇنلاشتۇرۇشۇم بار. ئۇ ۋاقىتتا ماڭا يۈزلىنىپ، ئىلتىجا قىلىپ، دۇئا قىلساڭلار، دۇئالىرىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن. مېنى ئىزدىسەڭلار، تاپالايسىلەر. ئەگەر پۈتۈن جان-دىلىڭلار بىلەن ئىزدىسەڭلار، مېنى تاپالايسىلەر. مەن سىلەرنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرىمەن. مەن سىلەرنى تارقىتىۋەتكەن يات ئەللەر ۋە ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىدىن يىغىپ، ئۆز زېمىنىڭلارغا، يەنى سىلەر بۇرۇن ئايرىلغان جايىڭلارغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!› ئەمما سىلەر: ‹پەرۋەردىگار بابىلدا بىز ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنى تەيىنلىدى› دەيسىلەر. لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ، داۋۇتنىڭ تەختىدە ئولتۇرىدىغان پادىشاھ ۋە يېرۇسالېمدا قالغانلار، يەنى سىلەر بىلەن بىللە سۈرگۈن قىلىنمىغان تۇغقانلىرىڭلار ھەققىدە نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭلاڭلار. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن ئۇلارغا ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكلەرنى ئېلىپ كېلىمەن. ئۇلارنى خۇددى سېسىپ، يېگىلى بولمايدىغان ئەنجۈرگە ئوخشاش قىلىپ قويىمەن. مەن ئۇلارنى داۋاملىق ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكلەر بىلەن قوغلايمەن. دۇنيادىكى بارلىق پادىشاھلىقلار ئۇلارغا نېمە بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، چۆچۈپ كېتىدۇ. مەن ئۇلارنى قەيەرگە تارقىتىۋەتسەم، كىشىلەر ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىشلارنى ئاڭلاپ، قورقۇپ كېتىدۇ. ئۇلار ئىزا-ئاھانەت، مەسخىرە ۋە قارغىشقا ئۇچرايدۇ. گەرچە مەن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا قايتا-قايتا سۆزلىسەممۇ، ئۇلار سۆزۈمنى ئاڭلاشنى رەت قىلدى. مەن ئېيتىمەنكى، سۈرگۈن قىلىنغان سىلەرمۇ ئاڭلىمىدىڭلار! شۇڭا يېرۇسالېمدىن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغان ھەممىڭلار سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار.› قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا قولايانىڭ ئوغلى ئاخاب ۋە مائاسېيانىڭ ئوغلى زىدقىيا توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: ‹ئۇلار سىلەرگە مېنىڭ نامىم بىلەن يالغان ۋەھىي يەتكۈزىدۇ. شۇڭا مەن ئۇلارنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇ ئۇلارنى كۆز ئالدىڭلاردا ئۆلتۈرىدۇ. بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغان بارلىق يەھۇدىيەلىكلەر باشقىلارنى قارغىغاندا، پەرۋەردىگار ساڭا بابىل پادىشاھى ئوتتا كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرگەن زىدقىيا ۋە ئاخابقا ئوخشاش مۇئامىلە قىلسۇن، دەيدۇ. ئۇلار مېنىڭ خەلقىم ئارىسىدا نومۇسسىز ئىشلارنى قىلغانلىقى ئۈچۈن، يۇقىرىدىكى قىسمەتلەرگە دۇچار بولىدۇ. ئۇلار قوشنىلىرىنىڭ ئاياللىرى بىلەن زىناخورلۇق قىلدى ۋە نامىمنى ئاتاپ يالغان سۆزلىدى، يەنى مەن بۇيرۇمىغان سۆزلەرنى سۆزلىدى. مەن ئۇلارنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى بىلىمەن ۋە نېمە قىلغانلىقىغا گۇۋاھمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.›» پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق دېدى: _ بابىلدىكى نىخەلاملىق شىمائىياغا بۇ خەۋەرنى يەتكۈزگىن: «مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ساڭا مۇنداق دەيمەن: سەن ئۆز نامىڭ بىلەن يېرۇسالېمدا ياشاۋاتقان بارلىق كىشىلەرگە، شۇنداقلا مائاسېيانىڭ ئوغلى روھانىي زىفانىيا ۋە باشقا بارلىق روھانىيلارغا خەت ئەۋەتىپ، بۇ سۆزلەرنى دېدىڭ: ‹ئەي زىفانىيا، پەرۋەردىگار سېنى يىھويادانىڭ ئورنىغا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا روھانىيلىققا تەيىنلىدى. سەن ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى بولۇپ، ھەرقانداق بىر ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ ئاتىۋالغان ئەقلىدىن ئازغانلارنىڭ بوينىغا تاقاق ۋە پۇتلىرىغا كىشەن سېلىشقا مەسئۇل بولدۇڭ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن ئاراڭلاردىكى پەيغەمبەر قىياپىتىگە كىرىۋالغان ئاناتوتلۇق يەرەمىيانى توسمايسەن؟ ئۇ بابىلدا ياشاۋاتقان بىزلەرگە خەت ئەۋەتىپ، بىزنىڭ بۇ يەردە ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ قېلىشىمىزنى، ئۆي سېلىپ، ماكانلىشىپ، كۆكتاتلىق بەرپا قىلىشىمىزنى ۋە ھوسۇل ئېلىپ يېيىشىمىزنى ئېيتتى.›» روھانىي زىفانىيا يېرۇسالېمدا بۇ خەتنى يەرەمىيا پەيغەمبەرگە ئوقۇپ بەردى. پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق دېدى: _ بۇ خەۋەرنى بارلىق سۈرگۈندىكىلەرگە يېزىپ ئەۋەتكىن: «بۇ پەرۋەردىگارنىڭ نىخەلاملىق شىمايا ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىدۇر: ‹شىمايا سىلەرگە ۋەھىي يەتكۈزدى. ئەمما مەن ئۇنى تەيىنلىگەن ئەمەس. ئۇ سىلەرنى يالغانغا ئىشەندۈردى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن پەرۋەردىگار شۇنى ئېيتىمەنكى، مەن نىخەلاملىق شىمايا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى جازالايمەن. خەلقىم ئارىسىدا ئۇنىڭ جەمەتىدىن ھېچكىم ھايات قالمايدۇ. ئۇ مەن خەلقىمگە ئاتا قىلماقچى بولغان بەختنى كۆرەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ سىلەرنى پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىشقا كۈشكۈرتتى. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!›» پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق دېدى: _ مەن پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ساڭا مۇنداق دەيمەن، مەن ساڭا ئېيتقان بارلىق سۆزلەرنى بىر تېرىگە پۈتكىن. ۋاقتى كەلگەندە، خەلقىم بولغان ئىسرائىلىيەلىكلەر ۋە يەھۇدىيەلىكلەرنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرىمەن. ئۇلارنى مەن ئەجدادلىرىغا ئاتا قىلغان زېمىنغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. ئۇلار ئۆز زېمىنىغا قايتىدىن ئىگە بولىدۇ. بۇلارنى مەن پەرۋەردىگار ئېيتتىم! تۆۋەندىكى سۆزلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە توغرىسىدىكى ۋەھىيسىدۇر. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «تىنچلىق سادالىرى ئەمەس، بەلكى ئالاقزادىلىك، قورقۇنچ قاپلىغان كىشىلەرنىڭ يىغا-زارى ئاڭلىنىدۇ. ئۆزۈڭلاردىن بۇنى سوراپ، ئويلىنىپ كۆرۈڭلار: ‹ئەزەلدىن بىر ئەرنىڭ بالا تۇغقىنىنى كۆرۈپ باققانمۇ؟› ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن ئەرلەرنىڭ خۇددى تولغاق ئازابىدا قىينىلىۋاتقان ئاياللاردەك قورساقلىرىنى قاماللاپ تۇتۇۋاتقانلىقىنى كۆرىمەن؟ ئۇلارنىڭ چىرايلىرىدا نېمە ئۈچۈن قان قالمىدى؟ ھالىڭلارغا ۋاي! مانا، قورقۇنچلۇق كۈنلەر كەلمەكتە. ئۇ كۈنلەرگە سېلىشتۇرغىلى بولىدىغان ھېچقانداق بىر كۈن يوقتۇر. ئۇ ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئازاب-ئوقۇبەت ئېلىپ كېلىدىغان كۈنلەردۇر، لېكىن ئۇلار ئۇ ئازابلىق كۈنلەردىن قۇتۇلۇپ چىقىدۇ. مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار دەيمەنكى، ئۇ ۋاقىتتا، مەن ئۇلارنىڭ بوينىدىكى بويۇنتۇرۇقنى سۇندۇرۇپ تاشلايمەن، ئۇلارنىڭ زەنجىرلىرىنى ئۈزۈۋېتىمەن. باشقا ئەللەر ئەمدى ئۇلارنى ھەرگىز قۇل قىلالمايدۇ. ئۇلار مەن پەرۋەردىگار خۇداغا ئىبادەت قىلىدۇ، شۇنداقلا مەن داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن تەيىنلىگەن پادىشاھقا خىزمەت قىلىدۇ. مەن پەرۋەردىگار دەيمەنكى، ئەي خىزمەتكارلىرىم بولغان ياقۇپ ئەۋلادلىرى، قورقماڭلار، ئەي ئىسرائىل خەلقى، ئالاقزادە بولماڭلار! چۈنكى مەن سىلەر ۋە سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلارنى يىراقلاردىكى سۈرگۈن قىلىنغان يەرلەردىن چوقۇم قۇتقۇزۇپ كېلىمەن. ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، سىلەر ئۆز زېمىنىڭلارغا قايتىپ، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرىسىلەر. سىلەرگە ھېچكىم ۋەھىمە سالمايدۇ. چۈنكى مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، مەن سىلەرگە يار بولىمەن ۋە سىلەرنى قۇتقۇزىمەن. مەن سىلەرنى چېچىۋەتكەن يەرلەردىكى خەلقلەرنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىمەن، لېكىن سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنى ۋەيران قىلمايمەن. سىلەرنى ئادىللىق بىلەن تەربىيەلەيمەن، ھەرگىز جازاسىز قويمايمەن. مەن سىلەرگە ئېيتاي: ياراڭلار ساقايماستۇر، جاراھەتلىرىڭلار شىپا تاپمايدۇ. ئەرزىڭلارنى ئاڭلايدىغان ھېچكىم يوق، يارىلىرىڭلارنى ساقايتىدىغان دورا يوق، سىلەرگە ھېچقانداق داۋا يوق. بارلىق ئىتتىپاقداشلىرىڭلار سىلەرنى تاشلىۋەتتى، ئۇلارنىڭ سىلەر بىلەن كارى يوق. مەن سىلەرگە دۈشمىنىڭلاردەك ھۇجۇم قىلىپ، قاتتىق جازالىدىم، چۈنكى قىلمىشلىرىڭلار ئېغىر، گۇناھلىرىڭلار كۆپتۇر. سىلەر نېمە ئۈچۈن ‹يارىلىرىمىز شۇنچە ئېغىر، ساقايماس› دەپ يىغلايسىلەر؟ مەن سىلەرنى جازالىدىم، چۈنكى گۇناھىڭلار كۆپ، قىلمىشىڭلار ئېغىر. لېكىن سىلەرنى ۋەيران قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ۋەيران بولىدۇ. بارلىق دۈشمەنلىرىڭلار سۈرگۈن قىلىنىدۇ. سىلەرنى تالان-تاراج قىلغانلارنىڭ ئۆزىمۇ تالان-تاراج قىلىنىدۇ، سىلەرگە ھۇجۇم قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ. گەرچە باشقىلار سىلەرنى ‹تاشلىۋېتىلگەن خەلق› دەپ ئاتاپ، ‹سىئون بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق› دېيىشسىمۇ، لېكىن مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى: مەن يارىلىرىڭلارنى ساقايتىپ، ساغلاملىقىڭلارنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن.» پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن خەلقىمنى ئۆز زېمىنلىرىغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. ھەربىر ئائىلىگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىمەن. يېرۇسالېم خارابىلىك ئۈستىگە قايتا قۇرۇلىدۇ. پادىشاھ قەلئەسى ئەسلىدىكى ئورنىغا قايتىدىن بىنا قىلىنىدۇ. بۇ جايلاردىن تەشەككۈر ناخشىلىرى ۋە خۇشاللىق سادالىرى ئاڭلىنىدۇ. مەن خەلقىمنى كۆپەيتىمەن، ئۇلار ئازلاپ كەتمەيدۇ. مەن ئۇلارغا يۈز-ئابرۇي ئاتا قىلىمەن، ئەمدى ئۇلار ھەرگىز كەمسىتىلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىكىدەك گۈللىنىدۇ. مەن ئۇلارنى كۆز ئالدىمدا بىر خەلق قىلىپ تىكلەيمەن. ئۇلارغا زۇلۇم سالغان ھەرقانداق ئادەمنى جازالايمەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرى ئۇلارغا باشقۇرغۇچى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ. مەن ئۇنى ھۇزۇرۇمغا چاقىرىمەن، ئۇ ماڭا يېقىنلىشىدۇ. چۈنكى ھېچكىم ئۆزىگە تايىنىپ، ماڭا يېقىنلىشىشقا پېتىنالمايدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر! سىلەر مېنىڭ خەلقىم بولىسىلەر ۋە مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن.» بىلىپ قويۇڭلاركى، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى خۇددى بوران-چاپقۇنغا ئوخشاش كېلىدۇ. ئۇ خۇددى شىددەتلىك بوران-چاپقۇنغا ئوخشاش، رەزىل كىشىلەرنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ. پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى، تاكى يەتمەكچى بولغان مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىغۇچە يانمايدۇ. ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، بۇنى چۈشىنىپ يېتىسىلەر. پەرۋەردىگار دەيدۇكى، شۇ ۋاقىتتا مەن ئىسرائىلىيەدىكى بارلىق قەبىلىلەرنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «دۈشمەننىڭ قىلىچىدىن قۇتۇلۇپ ئامان قالغان ئىسرائىل خەلقى چۆل-باياۋانلاردا ئاراملىققا ئىنتىزار بولۇپ يۈرگەن چاغدا، رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشىدۇ. ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى، مەن پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلارغا ئايان بولۇپ، ئۇلارغا: ‹مەن سىلەرنى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىم بىلەن سۆيىمەن، سىلەرنى مېھىر-شەپقىتىم بىلەن ماڭا يېقىنلاشتۇرىمەن› دېگەنىدىم. ئەي قەدىرلىك بالىلىرىم بولغان ئىسرائىللار، مەن سىلەرنى يەنە بىر قېتىم قايتىدىن بەرپا قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن سىلەر يەنە قايتىدىن بىر خەلق بولىسىلەر. سىلەر قايتىدىن داپلارنى قولۇڭلارغا ئېلىپ، ئۇسسۇلچىلارنىڭ تەنتەنە قوشۇنىغا قېتىلىسىلەر. سىلەر سامارىيەنىڭ تاغلىرىدا قايتىدىن ئۈزۈمزارلىقلارنى بەرپا قىلىسىلەر، ئۇلارنى بەرپا قىلغانلار ئۇلارنىڭ مېۋىلىرىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ. شۇنداق بىر ۋاقىتلار كېلىدۇكى، ئەفرايىم تاغلىرىدىكى قاراۋۇللار: ‹كېلىڭلار! سىئونغا بېرىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا ئىبادەت قىلايلى!› دەپ جاكارلايدۇ.» پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ياقۇپ ئەۋلادلىرى ئۈچۈن خۇشاللىق ناخشىلىرىنى ئېيتىڭلار، ئەڭ بۈيۈك خەلق ئۈچۈن تەنتەنە قىلىڭلار! ھەمدۇسانا ئوقۇپ مۇنداق دەڭلار: ‹ئى پەرۋەردىگار، خەلقىڭ ئىسرائىللاردىن ھايات قالغانلارنى قۇتقۇزغىن.› مەن ئۇلارنى شىمالدىكى زېمىنلاردىن، دۇنيانىڭ يىراق جايلىرىدىن قايتۇرۇپ كېلىپ، بىر يەرگە جەم قىلىمەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قارىغۇ، ئاقساقلار، ھامىلىدار ۋە ئاي كۈنى يېقىنلىشىپ قالغان ئاياللارمۇ بولىدۇ. ناھايىتى كۆپ ئادەملەر بۇ يەرگە قايتىدۇ. مەن ئۇلارنى قايتۇرۇپ كەلگەندە، ئۇلار كۆز يېشى قىلىپ، ماڭا دۇئا قىلىدۇ. مەن ئۇلارنى ئېقىنلارغا يېتەكلەيمەن. پۇتلاشمايدىغان تۈز يوللارغا باشلايمەن. چۈنكى مەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئاتىسىمەن، ئەفرايىم مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇمدۇر.» ئەي ئەللەر، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار. بۇ سۆزلەرنى يىراق ئاراللارغا يەتكۈزۈڭلار: «ئىسرائىل خەلقىنى تارقىتىۋەتكۈچى پەرۋەردىگار ئۇلارنى يەنە جەم قىلىدۇ، ئۇلارنى خۇددى پادىلىرىغا قارىغان پادىچىغا ئوخشاش قوغدايدۇ» دەڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگار، ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۇلاردىن كۈچلۈك بولغان بىر ئەلدىن قۇتقۇزۇپ قالدى. ئۇلار قايتىپ كېلىپ، خۇشاللىقلىرىدىن سىئون تېغىدا تەنتەنە قىلىشىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگار ئاتا قىلغان ئاشلىق، شاراب، زەيتۇن يېغى، پاقلان، ئوغلاق ۋە موزاي گۆشلىرىدىن شاد-خۇراملىققا چۆمىدۇ. ئۇلار ياخشى سۇغۇرۇلغان بىر باغقا ئوخشاش بولىدۇ، ئەمدى ئۇلار ھەرگىز مادارسىزلانمايدۇ. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ ۋاقىتتا قىزلار خۇشاللىقتىن ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ. يىگىتلەر ۋە بوۋايلار شادلىققا چۆمىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ قايغۇ-ھەسرىتىنى شادلىققا ئايلاندۇرىمەن، ئازابلىرىنىڭ ئورنىغا تەسەللى ۋە خۇشاللىق ئاتا قىلىمەن. مەن روھانىيلارنى مول نېمەتلەر بىلەن تەمىنلەيمەن. خەلقىم مەن ئاتا قىلغان ياخشى نەرسىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ.» پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «راماھ شەھىرىدىن قاتتىق قايغۇ-ھەسرەتلىك يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى. راھىلە بالىلىرى ئۈچۈن يىغلاۋاتاتتى. ئۇنىڭغا تەسەللى كار قىلمىدى، چۈنكى ئۇ بالىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانىدى.» لېكىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ: «يىغلىما! ياش تۆكمە! چۈنكى مەن بالىلىرىڭ ئۈچۈن قىلغان ھەممە مېھنىتىڭنى ساڭا قايتۇرىمەن. پەرزەنتلىرىڭ دۈشمەن زېمىنىدىن قايتىپ كېلىدۇ. مەن ساڭا دېسەم، كەلگۈسۈڭدىن ئۈمىد بار! پەرزەنتلىرىڭ ئۆز زېمىنىغا قايتىپ كېلىدۇ! مەن ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ پەريادىنى ئېنىق ئاڭلىدىم. ئۇلار ماڭا مۇنداق دېدى: ‹بىز بويۇنتۇرۇققا كۆنمىگەن موزايغا ئوخشاپ قالغانىدۇق. سەن بىزنى تەربىيەلىدىڭ، بىز ساۋاق ئالدۇق. بىزنى ئۆزۈڭنىڭ يولىغا قايتۇرغايسەن. بىز سېنىڭ يولۇڭغا قايتىشقا ئىنتىزارىمىز، چۈنكى سەن بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز. بىز سېنىڭ يولۇڭدىن چەتنىگىنىمىزگە توۋا قىلدۇق. بىز نېمە ئىش قىلغانلىقىمىزنى تونۇپ يەتكىنىمىزدە، بىز مەيدىمىزگە ئۇرۇپ، يىغلىدۇق. بۇرۇندىن باشلاپ بىز ناچار ئىشلارنى قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، نومۇسقا قېلىپ كەمسىتىلدۇق.› مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ئىسرائىلىيە يەنىلا مېنىڭ ئوغلۇم، قەدىرلىك بالام ئەمەسمۇ؟ ئۇنى دائىم ئەيىبلىسەممۇ، لېكىن مەن يەنىلا ئۇنى سۆيىمەن. مەن ئۇنى سېغىنىمەن، جەزمەن ئۇنىڭغا رەھىمدىللىك قىلىمەن. ئەي قەدىرلىك بالىلىرىم بولغان ئىسرائىللار، يوللارغا بەلگە سېلىڭلار، يۆنىلىش تۈۋرۈكىنى ئورنىتىڭلار. سىلەر ماڭغان ئاشۇ يوللارنى ئېسىڭلارغا ئېلىڭلار. مېنىڭ قەدىرلىك بالىلىرىم بولغان ئىسرائىللار، قايتىڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ شەھەرلىرىگە قايتىپ كېلىڭلار. مېنىڭ ساداقەتسىز قىزىم، قاچانغىچە سەرگەردان بولۇپ يۈرىسەن؟ چۈنكى مەن پەرۋەردىگار دۇنيادا يېڭى بىر ئىش قىلىمەن: خۇددى ئايالى ئېرىنى قوغدىغىنىدەك غەلىتە بىر ئىش يۈز بېرىدۇ.» قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇلارنى سۈرگۈندىن قايتۇرۇپ كەلگەندە، يەھۇدىيە ۋە ئۇنىڭ شەھەرلىرىدىكى خەلقلەر قايتىدىن مۇنداق دەيدۇ: ‹ئەي ھەققانىيەت ماكانى، ئەي مۇقەددەس تاغ، پەرۋەردىگار ساڭا بەخت ئاتا قىلغاي›. خەلق يەھۇدىيەنىڭ بارلىق شەھەرلىرىدە ياشايدۇ. ئۇ يەرلەردە دېھقانلار يېرى بىلەن، پادىچىلار پادىلىرى بىلەن ياشايدۇ. چۈنكى مەن چارچىغانلارغا ئاراملىق، ئاجىزلارغا كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلىمەن.» بۇ ۋاقىتتا مەن يەرەمىيا ئويغىنىپ، ئەتراپقا قارىدىم. ناھايىتى شېرىن ئۇخلىغانىدىم. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، مەن ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەنىڭ ئاھالىسىنى ۋە چارۋا ماللىرىنى كۆپەيتىمەن. بۇرۇنقى چاغلاردا، مەن بۇ خەلقنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاپ يىقىتتىم. ئۇلارنى ۋەيران قىلدىم ۋە بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىپ كۆزەتتىم. لېكىن كەلگۈسىدە مەن يەنە ئۇلارنى ئۆستۈرۈپ، قۇدرەتلىك قىلىپ كۆزىتىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر! ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، ھېچكىم: ‹ئاتا-ئانىسى ئاچچىق ئۈزۈم يېسە، بالىلىرىنىڭ چىشى قاماپتۇ› دېگەن بۇ ماقال-تەمسىلنى قايتا تىلغا ئالمايدۇ. بەلكى ھەممە ئادەم ئۆز گۇناھلىرى ئۈچۈن ئۆلىدۇ. ئاچچىق ئۈزۈمنى كىم يېسە شۇنىڭ چىشى قامايدۇ.» پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقى بىلەن يېڭى ئەھدە تۈزىدىغان بىر ۋاقىت كېلىدۇ. بۇ ئەھدە، مەن ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنى قولىدىن يېتىلەپ، مىسىردىن ئېلىپ چىققاندا تۈزگەن بۇرۇنقى ئەھدىگە ئوخشىمايدۇ. مەن بۇرۇن ئۇلارغا ساداقەتمەن ئەر بولغان بولساممۇ، ئۇلار يەنىلا ئەھدىنى بۇزدى. مەن كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئىسرائىل خەلقى بىلەن تۈزمەكچى بولغان يېڭى ئەھدە مۇنداق بولىدۇ: مەن قانۇنۇمنى ئۇلارنىڭ مېڭىسىگە قۇيىمەن، يۈرىكىگە پۈتىمەن. مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. ئۇلارمۇ مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئەمدى قولۇم-قوشنىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ‹پەرۋەردىگارنى بىلىۋېلىڭلار› دەپ تەلىم بېرىشى ھاجەتسىز. چۈنكى مەن پەرۋەردىگار شۇنى ئېيتىمەنكى، ئۇلار مەيلى مەرتىۋىسى يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولسۇن، ھەممىسى مېنى تونۇيدۇ! مەن ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈۋېتىمەن ۋە ئۇلارنىڭ يامانلىقلىرىنى كۆڭلۈمدە قايتا ساقلىمايمەن.» پەرۋەردىگار كۈندۈز ئۈچۈن قۇياش نۇرىنى، كېچە ئۈچۈن ئاي ۋە يۇلتۇزلارنى ياراتتى. ئۇ دېڭىزنى چايقىتىپ، كۈچلۈك دولقۇنلارنى پەيدا قىلدى. ئۇنىڭ نامى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردۇر، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «تەبىئەت دۇنياسىنىڭ بۇ قانۇنىيەتلىرى ئەمەلدىن قالمىسىلا، ئىسرائىللارنىڭ ئەۋلادلىرى مەڭگۈ مېنىڭ خەلقىمدۇر.» پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئاسماننى ئۆلچەش، زېمىننىڭ ئۇلىنى تەكشۈرۈش مۇمكىن بولمىغاندەك، خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ قىلغان رەزىل ئىشلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى تاشلىۋېتىشمۇ مۇمكىن بولمايدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!» پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، يېرۇسالېم شەھىرى خانانئېل مۇنارىدىن باشلىنىپ، غەرب تەرەپتىكى ‹بۇلۇڭ دەرۋازىسى›غىچە قايتا قۇرۇلۇپ، مېنىڭ ئالاھىدە شەھىرىم بولىدۇ. ئۇنىڭ پاسىلى ئۇ يەردىن ئۇدۇل غەرب تەرەپكە كېڭىيىپ، گارېب تېغىغىچە بارىدۇ، ئاندىن جەنۇب تەرەپكە بۇرۇلۇپ، گوئاھ دەپ ئاتىلىدىغان جايغىچە سوزۇلىدۇ. بارلىق جايلار، ھەتتا جەسەتلەر بىلەن كۈللەر دۆۋىلەنگەن جەنۇبتىكى پۈتۈن جىلغا، شەرقتىكى، يەنى ئۇنىڭ يېنىدىكى قىدرون جىلغىسىغا تۇتىشىدىغان ئېتىزلار ۋە ئۇنىڭغا تۇتىشىدىغان ‹ئات دەرۋازىسى›غىچە بولغان بارلىق جايلار ماڭا بېغىشلانغان بولىدۇ. يېرۇسالېم شەھىرى مەڭگۈ ۋەيران بولمايدۇ ھەم يوقالمايدۇ.» يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 10-يىلى پەرۋەردىگار يەرەمىياغا سۆز قىلدى. (بۇ چاغدا نىبۇكادنەزەر بابىلغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقىغا 18 يىل بولغانىدى.) شۇ ۋاقىتتا بابىل پادىشاھىنىڭ قوشۇنى يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، يەرەمىيا يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدىكى قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا تۇتقۇندا ئىدى. يەرەمىيا يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىياغا قارشى ۋەھىي يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، پادىشاھ زىدقىيا ئۇنى ئەيىبلەپ: «سەن نېمىشقا بۇنداق ئىشلار توغرىسىدا ۋەھىي يەتكۈزىسەن؟» دەپ، يەرەمىيانى قاماپ قويغانىدى. يەرەمىيا مۇنداق ۋەھىي يەتكۈزگەنىدى: «بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر: ‹مەن بۇ شەھەرنى بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇ بۇ شەھەرنى ئىشغال قىلىدۇ. يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيا بابىللىقلاردىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئۇ جەزمەن بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ. ئۇ نىبۇكادنەزەرنىڭ ئالدىدا يۈزمۇيۈز تۇرۇپ، جاۋاب بېرىشكە دۇچ كېلىدۇ. زىدقىيا بابىلغا يالاپ ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇ يەردە تاكى مەن ئۇنى جازالاپ بولغۇچە تۇرىدۇ. سىلەر بابىللىقلارغا قارشى ئۇرۇش قىلساڭلارمۇ، يېڭەلمەيسىلەر.›» شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار مەن يەرەمىياغا مۇنداق دېدى: _ تاغاڭ شاللۇمنىڭ ئوغلى خانامئېل يېنىڭغا كېلىپ، ساڭا: «ئاناتوتتىكى ئېتىزلىقىمنى سېتىۋالغىن، چۈنكى سەن مېنىڭ ئەڭ يېقىن تۇغقىنىمدۇرسەن. قانۇنغا ئاساسەن سەن ئۇ يەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىشقا ئەڭ ھوقۇقلۇقسەن.» دەيدۇ. كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك بىر نەۋرە قېرىندىشىم خانامئېل قاراۋۇلخانىغا مېنى يوقلاپ كەلدى. ئۇ: _ بىنيامىن زېمىنىغا قاراشلىق ئاناتوتتىكى ئېتىزلىقىمنى سېتىۋالغىن، چۈنكى قانۇن بويىچە ئۇ يەرنى باشقىلارغا سېتىشتىن بۇرۇن سېنىڭ سېتىۋېلىش ھوقۇقۇڭ بار. شۇڭا ئۇ يەرنى ئۆزۈڭ سېتىۋالغىن، _ دېدى. مەن بۇنى ئاڭلاپ، پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا ھەقىقەتەن سۆزلىگەنلىكىنى بىلدىم. شۇنداق قىلىپ، مەن ئاناتوتتىكى ئېتىزلىقنى بىر نەۋرە قېرىندىشىم خانامئېلدىن سېتىۋالدىم. مەن ئۇ ئېتىزلىق ئۈچۈن ئىككى يۈز گىرام كۈمۈش تۆلىدىم. مەن گۇۋاھچىلارنىڭ ئالدىدا سېتىۋېلىش توختامىغا ئىمزا قويۇپ، مۆھۈر بېسىپ، كۈمۈشنى تارازىدا ئۆلچەپ ئۇنىڭغا بەردىم. مەن سېتىۋېلىش شەرتلىرى ۋە مەزمۇنلىرى يېزىلغان توختامنىڭ مۆھۈرلۈك ۋە مۆھۈرسىز ئىككى خىل نۇسخىسىنى ئېلىپ، ئۇنى بىر نەۋرە قېرىندىشىم خانامئېل ۋە توختامغا قول قويغان گۇۋاھچىلار، شۇنداقلا قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا ئولتۇرغان باشقا كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ماخسېيانىڭ نەۋرىسى، يەنى نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇكقا تاپشۇرۇپ بەردىم. ھەممە كىشىلەرنىڭ ئالدىدا مەن بارۇكقا مۇنداق دېدىم: _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «مۆھۈرلۈك ۋە مۆھۈرسىز ھەر ئىككى نۇسخىنى ئالغىن ھەمدە ئۇزۇن ۋاقىت ساقلاش ئۈچۈن ئۇلارنى بىر ساپال ئىدىشنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويغىن». چۈنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا: «بۇ زېمىندا ئۆيلەر، ئېتىزلار ۋە ئۈزۈمزارلىقلار قايتا سېتىلىدۇ» دەيدۇ. مەن توختام نۇسخىلىرىنى نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇكقا بېرىپ بولغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ مۇنداق دېدىم: «ئى پەرۋەردىگار ئىگەم، سەن ھەقىقەتەن يۈكسەك كۈچ-قۇدرىتىڭ ۋە ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولۇڭ بىلەن ئاسمان ۋە زېمىننى ياراتتىڭ. سەن ئۈچۈن ھېچقانداق قىيىن ئىش يوق! سەن مىليونلىغان ئىنسانلارغا چەكسىز مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتتىڭ. بىراق سەن يەنە ئاتا-ئانىلارنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن پەرزەنتلىرىنى جازالايسەن. سەن بولساڭ، كۈچ-قۇدرەتلىك ئۇلۇغ خۇداسەن. سېنىڭ نامىڭ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردۇر. ئۇلۇغ پاراسىتىڭ، چەكسىز قۇدرىتىڭ بىلەن ئىش قىلىسەن. سەن ئادەملەرنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرىسەن. ھەركىمنىڭ ئىش-ئەمەللىرىگە ۋە قىلغان ئەمەلىيىتىگە قاراپ ياندۇرىسەن. ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى سەن مىسىردا مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسەتكەنىدىڭ. بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر سەن ئىسرائىلىيە ۋە باشقا پۈتكۈل ئەللەرنىڭ ئارىسىدا توختىماي مۆجىزە، ئاجايىپ كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ كەلدىڭ. شۇڭا نامىڭ بۈگۈنگىچە مەشھۇردۇر. سەن مۆجىزە ۋە كارامەتلىرىڭ بىلەن مىسىرلىقلارنى ئالاقزادە قىلدىڭ، سەن ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولۇڭ بىلەن خەلقىڭ ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتىڭ. سەن ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا بەرگەن ۋەدەڭ بويىچە سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان بۇ زېمىننى ئۇلارغا ئاتا قىلدىڭ. لېكىن ئۇلار بۇ زېمىنغا كېلىپ، ئۇنىڭغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئۇلار ھەم ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ سېنىڭ سۆزلىرىڭگە قۇلاق سالمىدى، يولۇڭدا ماڭمىدى! شۇنداقلا، ئۇلار سەن ئەمر قىلغان ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسىنى قىلمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن سەن بۈگۈن ئۇلارغا پۈتۈن بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلدىڭ. بۇ شەھەرنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن دۈشمەنلەر شەھەر سېپىللىرىغا قانچىلىك كۆپ توپىلارنى دۆۋىلەيدۇ-ھە! ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىك سەۋەبىدىن، بۇ شەھەر ئۆزىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بابىللىقلارنىڭ قولىغا چۈشىدۇ. سەن: ‹بۇ ئىشلارنى يۈز بېرىدۇ› دېگەنىدىڭ. مانا، ئەمدى بۇ ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىسەن. ئى پەرۋەردىگار ئىگەم، گەرچە بۇ شەھەر بابىللىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدىغان بولسىمۇ، سەن يەنىلا ماڭا: ‹كۈمۈش بېرىپ، ئۇ ئېتىزلىقنى سېتىۋالغىن، سېتىۋالغاندا ئادەملەر گۇۋاھ بولسۇن!› دېدىڭ.» پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن، پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ خۇداسىدۇرمەن. مەن قىلالمايدىغان ئىش بارمۇ؟ بۇ شەھەرنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇلار ئۇنى ئىشغال قىلىدۇ. بۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بابىللىقلار شەھەرگە بۆسۈپ كىرىپ، ئوت قويۇپ كۆيدۈرىدۇ. ئۇلار ئۆگزىلىرىدە بائالغا ئاتاپ ئىسرىق كۆيدۈرۈپ، باشقا ئىلاھلارغا ئاتاپ ئىچىملىك ھەدىيەسى سۇنۇپ، غەزىپىمنى كەلتۈرگەن كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىنى كۆيدۈرىدۇ. چۈنكى ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقى ئەزەلدىن نەزىرىمدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ داۋاملىق قىلىۋاتقان بۇ قىلمىشلىرى مېنى بەك غەزەپلەندۈردى. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر! بۇ شەھەر قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇنىڭدىكى خەلقلەر پەقەت مېنىڭ غەزەپ-نەپرىتىمنى قوزغايدىغان ئىشلارنى قىلىپ كەلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۇ شەھەرنى كۆز ئالدىمدىن يوقىتىمەن. ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقى، ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى، ئەمەلدارلىرى، روھانىيلىرى، ساختا پەيغەمبەرلىرى، شۇنداقلا يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمنىڭ پۇقرالىرى رەزىل ئىشلارنى قىلىپ، غەزىپىمنى كەلتۈردى. ئۇلار مەندىن يۈز ئۆرۈپ، يولۇمغا قايتىپ كېلىشنى خالىمىدى. گەرچە مەن قايتا-قايتا ئۇلارنى يېتەكلىگەن بولساممۇ، لېكىن ئۇلار دېگەنلىرىمگە قۇلاق سالمىدى ھەم قىلمىشلىرىدىن ساۋاق ئالمىدى. ئۇلار ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ يىرگىنچلىك بۇتلىرىنى نامىمغا ئاتالغان ئىبادەتخانامغا ئېلىپ كىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇ يەرنى بۇلغىدى. ئۇلار ئىلاھ بائالغا ئاتاپ بەنھىننوم جىلغىسىدا سەجدىگاھلارنى سالدى. بۇ جايلاردا ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىنى بۇت ئىلاھ مولەككە قۇربانلىق قىلدى. مەن ئۇلارغا بۇنداق يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىشنى ئەمر قىلمىغان، ھەتتا ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان! مەن ئۇلارنى ھەرگىزمۇ گۇناھ قىلىشقا ئازدۇرمايمەن. ئى يەرەمىيا، سىلەر: ‹بۇ شەھەر ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكتە قېلىپ، بابىل پادىشاھى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنىدۇ› دەۋاتىسىلەر. بۇ راست. لېكىن مەن پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيمەن: مەن قاتتىق غەزەپ-نەپرەت ئىچىدە ھەرقايسى ئەللەرگە تارقىتىۋەتكەن كىشىلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، ئۇلارنى بۇ زېمىنغا قايتۇرۇپ كېلىمەن ۋە ئۇلارنى بۇ جايدا خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئىگە قىلىمەن. ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. ئۇلار ئۆمۈرۋايەت ماڭا ئىخلاسمەن بولسۇن دەپ، مەن ئۇلارنى بىر نىيەت، بىر مەقسەتكە كەلتۈرىمەن. بۇ ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر. مەن ئۇلار بىلەن مەڭگۈلۈك ئەھدە تۈزىمەن. ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشنى ھەرگىز توختىتىپ قويمايمەن. قەلبلىرىنى ماڭا بولغان ئىخلاسمەنلىك بىلەن تولدۇرىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەرگىز مەندىن يۈز ئۆرۈمەيدۇ. ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشتىن خۇشال بولىمەن. مەن پۈتۈن جان-دىلىم بىلەن ئۇلارنى بۇ زېمىنغا قايتۇرۇپ كېلىپ، بۇ يەردە ئولتۇراقلاشتۇرىمەن. چۈنكى مەن بۇ خەلققە ئېغىر بالايىئاپەت ئېلىپ كەلگەنىدىم. ئەمدى ئۇلارغا ۋەدە قىلغان بارلىق ياخشى ئىشلارنى قىلىمەن. سىلەر: ‹بۇ زېمىن ئادەم تۈگۈل ياۋايى ھايۋانلارمۇ ياشىمايدىغان چۆل-باياۋانغا ئايلىنىپ، بابىللىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ› دېدىڭلار. لېكىن بۇ زېمىندىكى ئېتىزلىقلار قايتىدىن سېتىۋېلىنىدۇ. كىشىلەر ئېتىزلارنى ئېلىپ-سېتىپ، يەر خەتلىرىنى ئىمزالايدۇ، ئۇلار گۇۋاھچىلارنىڭ ئالدىدا يەر خەتلىرىنى مۆھۈرلەيدۇ. بۇ ئىشلار بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ زېمىنلىرىدا ھەم يېرۇسالېم ئەتراپىدىكى يېزىلاردا، شۇنداقلا يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەر-يېزىلىرىدا، تاغلىق رايونلاردا، غەربىي ئېدىرلىقلاردا ۋە نەگېب چۆللۈكىدىمۇ ئەمەلگە ئاشىدۇ. چۈنكى مەن بۇ كىشىلەرنى ئۆز يۇرتقا قايتۇرىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!» يەرەمىيا تېخى قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا تۇتقۇندا تۇرغان ۋاقتىدا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ئىككىنچى قېتىم سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن زېمىننى ياراتتىم، ئۇنى شەكىلگە كىرگۈزۈپ جايلاشتۇردۇم. ‹ياھۋەھ› مېنىڭ نامىمدۇر. مەن مۇنداق دەيمەن: ماڭا ئىلتىجا قىلغىن، مەن جاۋاب بېرىمەن. ساڭا سەن تېخىچە بىلمەيدىغان ئاجايىپ سىرلىق ئىشلارنى دەپ بېرىمەن. مەن ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا شۇنداق دەيمەنكى، خەلقىم دۈشمەننىڭ ئۆز سېپىلىغا توپا دۆۋىلەپ قىلماقچى بولغان ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، بۇ شەھەردىكى ئۆيلەرنى، ھەتتا يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئوردىسىنىمۇ بۇزۇپ، ئۇلارنىڭ ياغاچ، تاشلىرىنى ئېلىپ، سېپىل تاملىرىنى مۇستەھكەملەيدۇ. ئۇلار بابىل قوشۇنلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى ئويلاۋاتىدۇ، لېكىن بۇزغان ئۆيلەرنىڭ يەرلىرى غەزەپ-نەپرىتىمدە ئۆلتۈرمەكچى بولغان كىشىلەرنىڭ جەسەتلىرى بىلەن تولىدۇ. بۇ شەھەردىكىلەر قىلغان بارلىق رەزىل ئىشلار تۈپەيلىدىن، مەن بۇ شەھەردىن يۈزۈمنى ئۆرۈدۈم. لېكىن بۇ شەھەرگە شىپالىق ۋە ساغلاملىق بېرىدىغان بىر ۋاقتىم كېلىدۇ. مەن خەلقىمنى داۋالايمەن ۋە ئۇلارغا زور تىنچلىق ۋە ئامانلىق ئاتا قىلىمەن. مەن يەھۇدىيە ۋە ئىسرائىلىيەنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرىمەن. ئۇلارنى بۇرۇنقى ھالىتىگە ئەكېلىپ، قايتا قۇرۇپ چىقىمەن. ئۇلارنى ماڭا قارشى قىلغان بارلىق گۇناھلىرىدىن پاكلايمەن. ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى ۋە ئاسىيلىقلىرىنى كەچۈرىمەن. ئاندىن بۇ شەھەر يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەر ئالدىدا ماڭا شادلىق، شان-شەرەپ ۋە ھۆرمەت ئېلىپ كېلىدۇ! ئۇ ئەللەر مېنىڭ خەلقىمگە قىلغان ھەممە ياخشى ئىشلىرىمنى ئاڭلايدۇ ۋە ئۇلارغا ئاتا قىلغان تىنچلىقىم ۋە ئۇلارنى گۈللەندۈرۈشۈم سەۋەبىدىن قورقۇپ، تىترەيدۇ. مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: سىلەر بۇ زېمىن توغرىسىدا سۆزلەپ: ‹بۇ زېمىن خارابىلىككە ئايلاندى، بۇ يەردە ئادەم ياكى ھايۋانمۇ يوق› دەيسىلەر. لېكىن ئادەم ۋە ھايۋانمۇ ياشىمايدىغان، قاقاسلىققا ئايلانغان يەھۇدىيەنىڭ شەھەرلىرىدە ۋە يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرىدا يەنە بىر قېتىم شادلىق ئاۋازلىرى، كۈلكە سادالىرى ۋە توي قىلغان قىز-يىگىتلەرنىڭ خۇشال ئاۋازلىرى ئاڭلىنىدۇ. ئادەملەر مىننەتدارلىق قۇربانلىقلىرىنى ئېلىپ، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا بېرىپ، مۇنداق ناخشا ئېيتىدۇ: ‹قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار شاپائەتلىكتۇر، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر!› مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتىمەنكى، بۇ زېمىن بۇرۇن قانداق گۈللەنگەن بولسا، مەن ئۇنى شۇنداق ئەسلىگە كەلتۈرىمەن. مەن، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەن: گەرچە بۇ يەر ھازىر قاقاسلىققا ئايلىنىپ، ئادەم ۋە ھايۋانلار قالمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەردە قايتىدىن پادىچىلار پادىلىرىنى ئوتلىتىدىغان ئوتلاقلار پەيدا بولىدۇ. مەن پەرۋەردىگار ئېيتىمەن: تاغلىق رايونلاردا، غەربىي ئېدىرلىقلاردا، نەگېب چۆللۈكىدە، بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ زېمىنلىرىدا، يېرۇسالېم ئەتراپىدىكى يېزىلاردا، شۇنداقلا يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەر-يېزىلىرىدا پادىچىلار پادىلىرىنى ساناپ، قوتانغا كىرگۈزىدىغان كۈنلەر قايتا كېلىدۇ. مەن پەرۋەردىگار شۇنداق ئېيتىمەنكى، مېنىڭ ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەگە قىلغان شەپقەتلىك ۋەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ۋاقىت كېلىدۇ. شۇ ۋاقىت كەلگەندە، مەن داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ھەققانىي بىر نوتىنى يېتىشتۈرىمەن. ئۇ، زېمىندا ھەققانىي ۋە دۇرۇس ئىشلارنى قىلىدۇ. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا يەھۇدىيە تىنچ-ئامانلىققا ئېرىشىدۇ، يېرۇسالېم خاتىرجەملىكتە ياشايدۇ. شۇ ۋاقىتتا يېرۇسالېمنىڭ نامى ‹پەرۋەردىگار بىزنىڭ ھەققانىيىتىمىزدۇر› دەپ ئاتىلىدۇ. مەن پەرۋەردىگار شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى، ئىسرائىلىيە تەختىدە ئولتۇرۇشقا داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادىدىن ئادەم كەم بولمايدۇ. لاۋىيلاردىنمۇ دائىم ماڭا كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى سۇنىدىغان روھانىيلار كەم بولمايدۇ.» پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق دېدى: «مەن كېچە ۋە كۈندۈز بىلەن ئەھدە تۈزۈپ، ئۇلارنى تاكى زامان ئاخىر بولغۇچە ئۆز ۋاقتىدا ئالمىشىپ تۇرۇشقا ئەمر قىلدىم. مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ۋەدە قىلىمەنكى، كېچە ۋە كۈندۈز بىلەن تۈزگەن بۇ ئەھدەم ھەرگىز ئەمەلدىن قالمايدىغىنىدەك، خىزمەتكارىم داۋۇت ۋە لاۋىيلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەممۇ مەڭگۈ ئەمەلدىن قالمايدۇ. شۇڭا داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى ئۇنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ. لاۋىيلاردىنمۇ داۋاملىق روھانىيلار تاللىنىپ، ماڭا خىزمەت قىلىدۇ. خىزمەتكارىم بولغان داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىنى ۋە لاۋىيلارنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك، دېڭىز بويىدىكى قۇملاردەك سان-ساناقسىز كۆپەيتىمەن.» پەرۋەردىگار يەرەمىياغا يەنە مۇنداق دېدى: «كىشىلەرنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلدىڭمۇ؟ ئۇلار: ‹پەرۋەردىگار ئۆزى تاللىغان ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەنى تاشلىۋەتتى› دەيدۇ. شۇڭا ئۇلار خەلقىمنى كۆزگە ئىلماي، ئۇلارنى بىر ئەل قاتارىدا كۆرمەيدۇ. لېكىن مەن پەرۋەردىگار كېچە ۋە كۈندۈز بىلەن ئەھدە تۈزدۈم. مەن ئاسمان ۋە زېمىننى باشقۇرىدىغان ئۆزگەرمەس قانۇنىيەتلەرنى بېكىتتىم. شۇنىڭغا ئوخشاش، ياقۇپ ئەۋلادلىرى ۋە خىزمەتكارىم داۋۇت بىلەن تۈزگەن ئەھدەم ئۆزگەرمەستۇر. داۋۇت ئەۋلادلىرىدىن بىرىنى تاللاپ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلدۇرىمەن. مەن خەلقىمگە ناھايىتى مېھرىبان بولۇپ، ئۇلارنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرىمەن.» بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ئۆزى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان بارلىق پادىشاھلىقلارنىڭ قوشۇنلىرىنى باشلاپ، يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلغاندا، پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا ۋەھىي كەلدى. ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا يەرەمىيانىڭ يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيانىڭ قېشىغا بېرىپ، بۇ ۋەھىينى يەتكۈزۈشىنى ئەمر قىلدى: «مەن پەرۋەردىگار بۇ شەھەرنى بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇ بۇ شەھەرنى كۆيدۈرۈپ، ۋەيران قىلىدۇ. سەن ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسەن. سەن چوقۇم تۇتقۇن بولۇپ، ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىسەن. سەن نىبۇكادنەزەرنىڭ ئالدىدا يۈزمۇيۈز تۇرۇپ، جاۋاب بېرىشكە دۇچ كېلىسەن. ئاندىن ئۇلار سېنى بابىلغا ئېلىپ بارىدۇ. ئەي يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيا، سۆزۈمگە قۇلاق سال! مەن پەرۋەردىگار ساڭا ۋەدە بېرىمەنكى، سەن قىلىچتا ئۆلمەيسەن. تىنچ-ئامان ئالەمدىن ئۆتىسەن، ئەجدادلىرىڭنى، يەنى سەندىن ئىلگىرىكى پادىشاھلارنى كىشىلەر دەپنە قىلىپ، ئىسرىق سالغاندەك، كىشىلەر سېنىمۇ دەپنە قىلىپ ئىسرىق سالىدۇ. ماتەم تۇتۇپ: ‹ۋاي! پادىشاھىمىز!› دېيىشىدۇ. بۇ سۆزلەرنى ئېيتقۇچى مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.» يەرەمىيا پەيغەمبەر بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يېرۇسالېمدىكى يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىياغا يەتكۈزگەندە، بابىل پادىشاھىنىڭ قوشۇنلىرى يېرۇسالېم، لاكىش ۋە ئازېقا شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقانىدى. چۈنكى يەھۇدىيەنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرىدىن پەقەت مۇشۇ شەھەرلەرلا قالغانىدى. پادىشاھ زىدقىيا يېرۇسالېمدىكى بارلىق خەلق بىلەن ئۇلارنىڭ قۇللىرىنى ئازاد قىلىش توغرىسىدا بىر كېلىشىم تۈزگەندىن كېيىن، پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا ۋەھىي كەلگەنىدى. ئۇ ۋاقىتتا ئىبرانىي قېرىنداشلاردىن قۇل قىلىنغانلار بولمىسۇن دەپ، ئىبرانىي قۇل ۋە دېدەكلەرنىڭ ھەممىسىنى ئازاد قىلماقچى بولۇشقانىدى. شۇنىڭ بىلەن بارلىق خەلق ۋە ئەمەلدارلار ئۆزلىرىنىڭ قۇل ۋە دېدەكلىرىنى ئازاد قىلىشقا ۋە ئۇلارنى قايتا قۇل قىلماسلىققا قوشۇلۇپ، ئۇلارنى ئازاد قىلىشقانىدى. لېكىن، كېيىن ئۇلار قارارىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنى تۇتۇپ كېلىپ، قايتا قۇل قىلدى. ئاندىن پەرۋەردىگار بۇ كىشىلەرگە يەرەمىيا ئارقىلىق مۇنداق ۋەھىي چۈشۈردى: «مەن پەرۋەردىگار، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سىلەرگە شۇنداق دەيمەنكى، مەن ئەجدادلىرىڭلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرغاندا، ئۇلار بىلەن بىر ئەھدە تۈزگەنىدىم. مەن ئۇلارغا: ‹سىلەرگە سېتىلىپ، ئالتە يىل خىزمىتىڭلارنى قىلغان ئىبرانىي قۇللارنى يەتتىنچى يىلى چوقۇم ئازاد قىلىڭلار› دېگەنىدىم. لېكىن ئەجدادلىرىڭلار ماڭا ئىتائەت قىلمىدى، سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدى. يېقىندا سىلەر توۋا قىلىپ، مېنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلدىڭلار. سىلەر قۇل بولغان ئىبرانىي قېرىنداشلىرىڭلارنى ئازاد قىلىشقا قوشۇلۇپ، نامىمغا ئاتالغان ئىبادەتخانامغا كېلىپ، ھۇزۇرۇمدا كېلىشىم تۈزدۈڭلار. لېكىن كېيىن سىلەر قارارىڭلارنى ئۆزگەرتىپ، نامىمغا ھۆرمەتسىزلىك قىلدىڭلار. ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئازاد بولۇشنى خالىغان قۇل ۋە دېدەكلەرنى قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۇلارنى قايتىدىن قۇل بولۇشقا مەجبۇر قىلدىڭلار. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە دەيمەنكى، سىلەر ماڭا ئىتائەت قىلمىدىڭلار. ئۆزۈڭلارنىڭ ئىبرانىي قېرىنداشلىرىڭلارنى قويۇپ بەرمىدىڭلار. ئەمدى مەن سىلەرنى قويۇپ بېرىمەن! مەن سىلەرنى ئۇرۇش، كېسەللىك ۋە ئاچارچىلىقتا ئۆلۈشۈڭلارغا قويۇپ بېرىمەن. مەن دۇنيادىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنى سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا كەلگەن ئىشلار ئارقىلىق چۆچۈتىمەن. مەن بىلەن تۈزۈلگەن ئەھدىنى بۇزغان كىشىلەرنى جازالايمەن. ئۇلار ھۇزۇرۇمدا ئەھدە تۈزۈپ، ئىككى پارچە قىلىۋېتىلگەن موزاينىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتكەنىدى. لېكىن ئۇلار ئەھدىگە رىئايە قىلمىدى. مەن ئۇلارنى ئىككى پارچە قىلىۋېتىلگەن موزاينىڭ ھالىغا چۈشۈرۈپ قويىمەن. مەن يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمنىڭ يېتەكچىلىرى، ئەمەلدارلىرى ۋە روھانىيلىرىنى، شۇنداقلا بۇ زېمىندىكى ئىككى پارچە قىلىۋېتىلگەن موزاينىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ، مەن بىلەن ئەھدە تۈزگەن بارلىق كىشىلەرنى جازالايمەن. مەن ئۇلارنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى قۇشلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارغا يەم بولىدۇ. مەن يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيا ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇلارنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمەنلەر بۇ يەردىن ۋاقىتلىق چېكىنگەن بابىل پادىشاھنىڭ لەشكەرلىرىدۇر. مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، بابىل قوشۇنلىرىنى بۇ شەھەرگە قايتىدىن چاقىرىپ كېلىمەن. ئۇلار بۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ، شەھەرنى بېسىۋېلىپ، كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. مەن يەھۇدىيەنىڭ شەھەرلىرىنى ئادەمزاتسىز خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋېتىمەن.» يوشىيانىڭ ئوغلى يىھوياقىم يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ۋاقىتتا، پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا مۇنداق ۋەھىي كەلدى. پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: _ سەن رېكاب ئۇرۇق-جەمەتىدىكىلەر ياشايدىغان جايغا بېرىپ، ئۇلارنى ئىبادەتخانامغا چاقىرىپ كەلگىن. ئۇلارنى ئىبادەتخانامغا تەۋە ھۇجرىلارنىڭ بىرىگە باشلاپ كىرىپ، ئۇلارغا شاراب قۇيغىن. شۇنىڭ بىلەن مەن رېكاب جەمەتىنى، يەنى يەرەمىيانىڭ ئوغلى _ خاباززىنيانىڭ نەۋرىسى بولغان يائازانيانى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى، قېرىنداشلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىسىغا ئېلىپ كەلدىم ۋە ئۇلارنى يىگداليانىڭ ئوغلى خانان پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى تۇرىدىغان ھۇجرىغا باشلاپ كىردىم. ئۇ ھۇجرا ئىبادەتخانا خىزمەتچىلىرى تۇرىدىغان ھۇجرىنىڭ يېنىدا، شاللۇمنىڭ ئوغلى، يەنى ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرىنىڭ بىرى بولغان مائاسېيا تۇرىدىغان ھۇجرىنىڭ ئۈستىدە ئىدى. ئاندىن مەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئىدىشلارنى ۋە لىق شاراب قاچىلانغان كومزەكلەرنى ئېلىپ كېلىپ: _ مەرھەمەت، شاراب ئىچىڭلار، _ دېدىم. لېكىن ئۇلار جاۋاب بېرىپ: _ بىز شاراب ئىچمەيمىز. چۈنكى بىزنىڭ ئەجدادىمىز رېكابنىڭ ئوغلى يېھوناداب بىزگە بۇيرۇق قىلىپ: «سىلەر ۋە ئەۋلادلىرىڭلار ھەرگىز شاراب ئىچمەڭلار، ئۆي سالماڭلار، زىرائەت تېرىماڭلار، ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلماڭلار ياكى ئۇلارنى مۈلۈك قىلىپ ئالماڭلار. ئۆمۈر بويى چېدىردا تۇرۇڭلار. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، سىلەر سەرگەردان بولۇپ يۈرۈۋاتقان بۇ زېمىندا ئۇزۇن ۋاقىت ياشىيالايسىلەر.» دېگەنىدى. بىز ۋە بىزنىڭ ئاياللىرىمىز، ئوغۇل-قىزلىرىمىز، ئەجدادىمىز رېكابنىڭ ئوغلى يېھونادابنىڭ بىزگە بۇيرۇغان ھەممە ئىشلىرىغا بويسۇنۇپ كەلدۇق. بىز ئەزەلدىن شاراب ئىچىپ باقمىدۇق. بىز تۇرۇشقا ئۆي سالمىدۇق، ئۆزىمىزگە ئۈزۈمزارلىق، ئېتىزلىقلارنى بەرپا قىلمىدۇق ۋە بىزنىڭ زىرائەتلىرىمىزمۇ يوق. بىز چېدىرلاردا ياشاپ كەلدۇق. ئەجدادىمىز يېھونادابقا بويسۇنۇپ، ئۇنىڭ دېگەنلىرىدەك قىلدۇق. لېكىن بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر بۇ زېمىنغا ھۇجۇم قىلغاندا، بىز: «يۈرۈڭلار، بابىل ۋە ئاررام قوشۇنلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا بارايلى» دېدۇق. شۇ سەۋەبتىن بىز ئەمدى يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتىمىز. ئاندىن پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق دېدى: _ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سېنى يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدىكى كىشىلەرنىڭ ئالدىغا سۆزۈمنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتىمەن. ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «مەن پەرۋەردىگار سىلەردىن سورايمەن: نېمىشقا مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمايسىلەر، كۆرسەتكەن يولۇمدا ماڭمايسىلەر؟ رېكابنىڭ ئوغلى يېھوناداب ئەۋلادلىرىغا شاراب ئىچمەسلىكنى بۇيرۇغان. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بۇ بۇيرۇققا ئەمەل قىلغان. ئۇلار ئەجدادىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش ئۈچۈن تاكى بۈگۈنگىچە ھېچقانداق شاراب ئىچىپ باقمىغان. لېكىن مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە كۆپ قېتىم تەكىتلىسەممۇ، سۆزلىرىمگە ئىتائەت قىلمىدىڭلار. مەن سىلەرگە خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى قايتا-قايتا ئەۋەتتىم. ئۇلار سىلەرگە: ‹يامان يولۇڭلاردىن يېنىپ، توغرا ئىش قىلىڭلار. باشقا ئىلاھلارنى ئىزدەپ، ئۇلارغا چوقۇنماڭلار. شۇندىلا سىلەرگە ۋە ئەجدادلىرىڭلارغا بەرگەن بۇ زېمىندا ياشىيالايسىلەر.› دېدى. لېكىن سىلەر سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلمىدىڭلار. رېكابنىڭ ئوغلى يېھونادابنىڭ ئەۋلادلىرى بولسا، ئەجدادىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئىتائەت قىلدى. لېكىن مېنىڭ خەلقىم سۆزلىرىمگە ئىتائەت قىلمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا شۇنداق دەيمەنكى، مەن يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدا ياشاۋاتقان بارلىق خەلقنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتقان بارلىق بالا-قازانى ئېلىپ كېلىمەن. چۈنكى مەن ئۇلارغا ئېيتقانىدىم. لېكىن ئۇلار ئاڭلىمىدى. ئۇلارنى چاقىرغانىدىم، لېكىن ئۇلار جاۋاب بەرمىدى.» ئاندىن يەرەمىيا رېكاب جەمەتىدىكىلەرگە سۆزلەپ: _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ئەجدادىڭلار يېھونادابنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇپ، ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە ماڭدىڭلار. ھەممە ئىشتا ئۇنىڭ دېگىنىدەك قىلدىڭلار. شۇڭا مەن، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيمەن: رېكابنىڭ ئوغلى يېھونادابنىڭ ئەۋلادىدىن ماڭا خىزمەت قىلىدىغان ئەركەك ئەسلا كەم بولمايدۇ.» _ دېدى. يوشىيانىڭ ئوغلى يىھوياقىمنىڭ يەھۇدىيە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 4-يىلى پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا مۇنداق ۋەھىي كەلدى: _ سەن تېرە پارچىلىرىدىن ئېلىپ، ئۇنىڭغا يوشىيا پادىشاھ بولغان چاغدىن تارتىپ تاكى ھازىرغا قەدەر بولغان ئارىلىقتىكى ئىسرائىلىيە، يەھۇدىيە، شۇنداقلا باشقا بارلىق ئەللەر توغرىسىدا ساڭا ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىمنى يېزىپ چىققىن. بەلكىم يەھۇدىيە خەلقى مەن ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلتۈرمەكچى بولغان بارلىق بالايىئاپەتلەرنى ئاڭلىغىنىدا، ئۆزلىرىنىڭ قايتىشى مۇمكىن. شۇنداق قىلسا، مەن ئۇلارنىڭ قىلغان رەزىللىكلىرى ۋە گۇناھلىرىنى كەچۈرىمەن. شۇنداق قىلىپ، يەرەمىيا نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇكنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىگە ئېيتقان بارلىق سۆزلىرىنى ئېيتىپ بەردى. بارۇك ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تېرىگە پۈتۈپ چىقتى. يەرەمىيا بارۇكقا مۇنداق دېدى: _ مېنىڭ ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا بېرىشىم مەنئى قىلىندى. شۇڭا يەھۇدىيەدىكى بارلىق كىشىلەر ئۆز شەھەرلىرىدىن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا روزا تۇتقىلى كەلگەن كۈندە، سەن ئۇ يەرگە بارغىن. ئۇلارغا مەن ساڭا ئېيتقان، يەنى سەن تېرىگە پۈتكەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئوقۇپ بەرگىن. ھەممە ئادەم ئاڭلىغۇدەك ئۈنلۈك ئوقۇغىن. شۇندا، ئۇلار پەرۋەردىگاردىن رەھىم-شەپقەت تىلەپ، قىلىۋاتقان بارلىق رەزىل ئىشلىرىنى توختىتىشى مۇمكىن. چۈنكى پەرۋەردىگار بۇ خەلققە ئۆزىنىڭ غەزەپ-نەپرىتىنى ياغدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرغان. شۇنىڭ بىلەن نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇك يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ ئېيتقىنى بويىچە ئىش قىلدى. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىسىدا تېرىگە پۈتۈلگەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇدى. يېرۇسالېمدا ياشاۋاتقان كىشىلەر ۋە يەھۇدىيە شەھەرلىرىدىن يېرۇسالېمغا كەلگەن باشقا كىشىلەر ئۆزلىرىنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلاشقا ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا روزا تۇتۇشقا كەلگەنىدى. يوشىيانىڭ ئوغلى يىھوياقىمنىڭ يەھۇدىيە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 5-يىلى قىشتا، بۇ روزا تۇتۇش جاكارلانغانىدى. ئۇ ۋاقىتتا بارۇك پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ، پۈتۈكچى شافاننىڭ ئوغلى گىماريانىڭ ھۇجرىسىنىڭ بوسۇغىسىدا تۇردى. بۇ ھۇجرا يېڭى دەرۋازا يېنىدىكى ئۈستۈنكى ھويلىدا ئىدى. ئۇ يەردە بارلىق ئادەملەر ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالايتتى. ئۇ ئورام يازمىنى ئېچىپ، يەرەمىيانىڭ سۆزلىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇدى. گىماريانىڭ ئوغلى، يەنى شافاننىڭ نەۋرىسى مىكايا بارۇك ئورام يازمىدىن ئوقۇغان پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىدى. ئۇ ئوردىدىكى پادىشاھنىڭ پۈتۈكچىسىنىڭ خانىسىغا بېرىپ، ئۇ يەردە پادىشاھنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرىنىڭ يىغىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. پادىشاھنىڭ پۈتۈكچىسى ئەلىشاما، شىمايانىڭ ئوغلى دىلايا، ئاكبورنىڭ ئوغلى ئەلناتان، شافاننىڭ ئوغلى گىماريا، خانانيانىڭ ئوغلى زىدقىيا ۋە باشقا بارلىق ئەمەلدارلار ئۇ يەردە ئولتۇرغانىدى. بارۇك كىشىلەرگە تېرە پۈتۈكتىن ئوچۇق-ئاشكارا ئوقۇپ بەرگەن بارلىق سۆزلەرنى مىكايا ئولتۇرغانلارغا ئېيتىپ بەردى. ئاندىن ئولتۇرغان پۈتۈن ئەمەلدارلار نىتانيانىڭ ئوغلى، شەلەميانىڭ نەۋرىسى يەنى كۇشىنىڭ چەۋرىسى يىھۇدىنى بارۇكنىڭ قېشىغا ئەۋەتىپ، «جامائەت ئالدىدا ئوقۇغان تېرە پۈتۈكنى ئېلىپ كەل» دەپ بۇيرۇدى. نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇك ئورالغان تېرە پۈتۈكنى ئېلىپ كەلدى. ئۇلار ئۇنىڭغا: _ ئولتۇرۇپ، ئۇنى بىزگە ئوقۇپ بەرگىن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن بارۇك ئولتۇرۇپ، تېرە پۈتۈكنى ئۇلارغا ئوقۇپ بەردى. ئۇلار تېرە پۈتۈككە يېزىلغان بارلىق سۆزلەرنى ئاڭلاپ، قورقۇنچ ئىچىدە بىر-بىرىگە قاراشتى ۋە بارۇكقا: _ بىز بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى پادىشاھقا يەتكۈزۈشىمىز كېرەك، _ دېدى. ئۇلار بارۇكتىن: _ بىزگە ئېيتقىن، قانداق قىلىپ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يېزىپ چىقتىڭ؟ يەرەمىيا ساڭا سۆزلەپ بەردىمۇ؟ _ دەپ سورىدى. بارۇك ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: _ يەرەمىيا بۇ سۆزلەرنى ماڭا ئېيتتى، مەن تېرىگە پۈتۈۋالدىم، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەمەلدارلار بارۇكقا: _ سەن ۋە يەرەمىيا چوقۇم بۇ يەردىن كېتىپ يوشۇرۇنۇڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ نەدە ئىكەنلىكىڭلارنى ھېچكىمگە بىلدۈرمەڭلار، _ دېدى. ئاندىن ئۇلار ئورالغان تېرە پۈتۈكىنى پادىشاھنىڭ پۈتۈكچىسى ئەلىشامانىڭ خانىسىغا قالدۇرۇپ قويۇپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا ھەممە ئىشلارنى مەلۇم قىلدى. بۇ چاغدا پادىشاھ ئوردا ھويلىسىدا ئىدى. پادىشاھ يىھۇدىنى ئورام يازمىنى ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتتى. ئۇ بېرىپ پۈتۈكچى ئەلىشامانىڭ خانىسىدىن ئۇنى ئېلىپ كېلىپ، پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا تۇرغان بارلىق ئەمەلدارلارغا ئوقۇپ بەردى. قىش پەسلى بولغانلىقى ئۈچۈن، پادىشاھ قىشلىق سارايدا تۇرۇۋاتقانىدى. ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئوچاقتا ئوت كۆيۈپ تۇراتتى. يىھۇدى يازمىنىڭ بىرنەچچە قۇرىنى ئوقۇشى بىلەنلا، پادىشاھ ئوقۇلغان قۇرلارنى پىچاق بىلەن كېسىۋېلىپ، ئوچاقتىكى ئوتقا تاشلىۋەتتى. ئۇ پۈتۈن يازمىنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ تۈگەتكۈچە، شۇنداق قىلدى. پادىشاھ ياكى ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ئوقۇلغان سۆزلەرنى ئاڭلاپ، قىلچە قورقمىدى ۋە كىيىملىرىنى يىرتىپ، مەيۈسلەنگەنلىكىنى ئىپادىلىمىدى. پادىشاھ ھەتتا ئورام يازمىنى كۆيدۈرمەسلىكنى ئۆتۈنگەن ئەلناتان، دىلايا ۋە گىماريالارنىڭ سۆزلىرىگىمۇ پىسەنت قىلمىدى. ئەكسىچە ئۇ بەگزادىلەردىن بىرى بولغان يىراخمىئېلنى، ئازرىئېلنىڭ ئوغلى سىرايانى ۋە ئابدىئېلنىڭ ئوغلى شەلەميانى پۈتۈكچى بارۇك ۋە يەرەمىيا پەيغەمبەرنى تۇتۇپ كېلىشكە بۇيرۇدى. لېكىن پەرۋەردىگار ئۇلارنى يوشۇرۇپ قويغانىدى. يەرەمىيا بارۇكقا پۈتكۈزگەن ئورام يازمىنى پادىشاھ كۆيدۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق دېدى: _ سەن يېڭىدىن تېرە پارچىلىرىنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىم كۆيدۈرۈۋەتكەن تېرە پۈتۈكتىكى ھەممە سۆزلەرنى قايتىدىن پۈتۈپ چىققىن. ئاندىن يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىمغا بۇ سۆزلەرنى يەتكۈزگىن: «پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيدۇ: ‹يەرەمىيا بابىل پادىشاھىنىڭ بۇ زېمىنغا چوقۇم كېلىپ، بۇ زېمىننى ۋە زېمىندىكى بارلىق ئادەم ۋە ھايۋانلارنى ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى پۈتكەنلىكى ئۈچۈن، سەن ئۇ ئورام يازمىنى كۆيدۈرۈۋەتتىڭ! شۇڭا مەن پەرۋەردىگار يەھۇدىيە پادىشاھى بولغان سەن يىھوياقىم توغرىسىدا مۇنداق دەيمەن: سېنىڭ داۋۇتنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىدىغان ھېچقانداق ئەۋلادىڭ بولمايدۇ. سېنىڭ جەسىتىڭ دالاغا تاشلىنىپ، كۈندۈزى ئاپتاپتا، كېچىدە سوغۇقتا قالىدۇ. مەن سېنى، ئەۋلادلىرىڭنى ۋە ئەمەلدارلىرىڭنى رەزىل قىلمىشلىرى ئۈچۈن جازالايمەن. مەن سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا، يېرۇسالېمدا ياشايدىغانلارنىڭ ۋە يەھۇدىيە خەلقىنىڭ باشلىرىغا، ئىلگىرى مەن ئاگاھلاندۇرغان بارلىق بالايىئاپەتلەرنى سالىمەن. چۈنكى ھەممىڭلار سۆزلىرىمنى ئاڭلاشنى رەت قىلدىڭلار.›» ئاندىن يەرەمىيا باشقا تېرە پارچىلىرىنى ئېلىپ، ئۇلارنى نېرىيانىڭ ئوغلى _ پۈتۈكچى بارۇكقا بەردى. يەرەمىيا يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىم كۆيدۈرۈۋەتكەن ئورام يازمىدىكى بارلىق سۆزلەرنى بارۇكقا قايتىدىن پۈتتۈردى. ئۇلار بۇ ئورام يازمىغا يەنە بىرقانچە باشقا ۋەھىيلەرنىمۇ قوشۇپ قويدى. يوشىيانىڭ ئوغلى زىدقىيا بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر تەرىپىدىن يەھۇدىيەگە پادىشاھ قىلىپ تەيىنلەندى. زىدقىيا يىھوياقىمنىڭ ئوغلى يىھوياكىننىڭ ئورنىغا ھۆكۈمرانلىق تەختىگە چىقتى. پادىشاھ زىدقىيا، ئۇنىڭ ئوردا ئەمەلدارلىرى ۋە بۇ زېمىندا قالغان خەلق پەرۋەردىگارنىڭ يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق يەتكۈزگەن ۋەھىيلىرىگە پەرۋا قىلمىدى. لېكىن، پادىشاھ زىدقىيا شەلەميانىڭ ئوغلى يىھۇكال بىلەن مائاسېيانىڭ ئوغلى روھانىي زىفانىيانى يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپ: «پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا بىز ئۈچۈن دۇئا قىلغىن» دەپ ئۆتۈندى. (ئۇ ۋاقىتتا يەرەمىيا تېخى زىندانغا تاشلانمىغان بولۇپ، ئۇ خالىغان ۋاقىتتا خەلق بىلەن ئۇچرىشالايتتى. پىرئەۋن قوشۇنلىرى ئاللىقاچان مىسىردىن يولغا چىققان بولۇپ، بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان، يېرۇسالېمنى قورشاۋاتقان بابىل قوشۇنلىرى يېرۇسالېمدىن چېكىنگەنىدى.) ئاندىن كېيىن بابىل قوشۇنلىرى قايتىپ كېلىپ، بۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ ۋە ئۇنى بېسىۋېلىپ كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. شۇڭا، مەن پەرۋەردىگار سىلەرنى يەنە ئاگاھلاندۇرىمەنكى، ‹بابىل قوشۇنلىرى چېكىندى، ئەمدى قايتىپ كەلمەيدۇ› دەپ ئالدىنىپ قالماڭلار. چۈنكى ئۇلار قايتىپ كېلىدۇ. گەرچە سىلەر، سىلەرگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بارلىق بابىل قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلساڭلارمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ پەقەت يارلىنىپ چېدىرلىرىدا يېتىۋاتقانلىرىلا ئورنىدىن تۇرۇپ، بۇ شەھەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلىيالايدۇ.» پىرئەۋن قوشۇنلىرى كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، بابىل قوشۇنلىرى يېرۇسالېمدىن چېكىنگەنىدى. شۇڭا يەرەمىيا يېرۇسالېمدىن ئايرىلىپ، ئائىلىسىدىكى مىراسنىڭ ئۆزىگە تېگىشلىك قىسمىنى ئېلىش ئۈچۈن بىنيامىن زېمىنىدىكى ئۆز يۇرتىغا كەتمەكچى بولدى. لېكىن يەرەمىيا پەيغەمبەر بىنيامىن دەرۋازىسىغا كەلگەندە، شۇ يەردە تۇرۇۋاتقان ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى، يەنى شەلەميانىڭ ئوغلى، خانانيانىڭ نەۋرىسى يىرئىيا يەرەمىيانى تۇتۇۋالدى ۋە ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: _ سەن بابىللىقلارنىڭ قېشىغا قېچىپ كەتمەكچى بولدۇڭ! يەرەمىيا: _ يالغان! بابىللىقلارنىڭ قېشىغا بېرىش نىيىتىم يوق! _ دەپ جاۋاب بەردى. لېكىن يىرئىيا يەرەمىيانىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنمەي، ئۇنى ئەمەلدارلارنىڭ قېشىغا ئېلىپ باردى. ئەمەلدارلار يەرەمىياغا قاتتىق غەزەپلەندى. ئۇلار ئۇنى ئۇرۇپ، زىندان ئورنىدا ئىشلىتىۋاتقان پۈتۈكچى يوناتاننىڭ ئۆيىگە قاماپ قويدى. شۇنداق قىلىپ، يەرەمىيا يوناتاننىڭ ئۆيىدىكى زىنداندا ياتتى. ئۇ بۇ يەردە خېلى ئۇزۇن قامالدى. كېيىن پادىشاھ زىدقىيا ئۇنى ئوردىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئايرىم سۆزلەشتى ۋە ئۇنىڭدىن: _ پەرۋەردىگاردىن بىرەر ۋەھىي تاپشۇرۇۋالدىڭمۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ ھەئە، تاپشۇرۇۋالدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى يەرەمىيا، ئاندىن، _ سەن بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىسەن، _ دېدى، يەرەمىيا يەنە پادىشاھ زىدقىياغا مۇنداق دېدى: _ مەن ساڭا، ئەمەلدارلىرىڭغا ياكى بۇ خەلققە نېمە يامانلىق قىلدىم؟ نېمىشقا مېنى زىندانغا تاشلىدىڭ؟ «بابىل پادىشاھى سىلەرگە ۋە بۇ زېمىنغا ھۇجۇم قىلمايدۇ» دەپ ۋەھىي يەتكۈزگەن پەيغەمبەرلىرىڭلار ھازىر قېنى؟ ئى پادىشاھ ئالەم، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ، ئۆتۈنۈشۈمنى قوبۇل قىلغىن. مېنى پۈتۈكچى يوناتاننىڭ ئۆيىگە قايتۇرمىغىن، بولمىسا مەن ئۇ يەردە ئۆلۈپ كېتىمەن. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ زىدقىيا يەرەمىيانى قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا تۇتۇپ تۇرۇشقا ۋە ئۇنىڭغا ناۋاي كوچىسىدىن تاكى بۇ شەھەردە نان تۈگەپ كەتكۈچە ھەر كۈنى بىر نان ئەكېلىپ بېرىشكە بۇيرۇدى. شۇنداق قىلىپ يەرەمىيا قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا تۇرۇپ قالدى. ماتاننىڭ ئوغلى شىفاتيا، پاشخۇرنىڭ ئوغلى گىداليا، شەلەميانىڭ ئوغلى يىھۇكال ۋە مالكىيانىڭ ئوغلى پاشخۇر قاتارلىق كىشىلەر يەرەمىيانىڭ خەلققە نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. يەرەمىيا مۇنداق دېگەنىدى: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹بۇ شەھەردە قالغانلار ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ياكى كېسەللىك بىلەن ئۆلىدۇ. بۇ شەھەردىن ئايرىلىپ، بابىللىقلارغا تەسلىم بولغانلار ھايات قالىدۇ. ئۇلار جېنىنى جەڭدىن ساقلاپ قالىدۇ.› پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: ‹بۇ شەھەر چوقۇم بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا چۈشىدۇ، ئۇلار شەھەرنى ئىشغال قىلىدۇ›». شۇنىڭ بىلەن يۇقىرىدىكى ئەمەلدارلار پادىشاھقا مۇنداق دېدى: _ بۇ ئادەم ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى كېرەك. چۈنكى ئۇ بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق شەھەردە قالغان لەشكەرلەر ۋە پۈتۈن خەلقنى ئۈمىدسىزلەندۈردى. بۇ ئادەم كىشىلەرگە ياردەم قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. پادىشاھ زىدقىيا: _ ئۇنى نېمە قىلساڭلار قىلىڭلار. مەن سىلەرنى توسالمايمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەرەمىيانى تۇتۇپ كېلىپ، پادىشاھنىڭ ئوغلى مالكىياغا تەۋە بىر قۇدۇققا تاشلىدى. بۇ قۇدۇق قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا ئىدى. ئۇلار يەرەمىيانى ئېلىپ كېلىپ، قۇدۇقنىڭ ئىچىگە ئارغامچا بىلەن چۈشۈردى. قۇدۇقتا سۇ يوق بولۇپ، پەقەتلا پاتقاق بار ئىدى، يەرەمىيا پاتقاققا پېتىپ قالدى. كۇش يۇرتىدىن بولغان ئەمەلدار ئەبەد-مەلەك ئوردىدا يەرەمىيانىڭ قۇدۇققا تاشلىۋېتىلگەنلىكىنى ئاڭلاپ قالدى. پادىشاھ بىنيامىن دەرۋازىسىدا سوت ئېچىۋاتقاندا، ئەبەد-مەلەك ئوردىدىن چىقىپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ ئەي پادىشاھ ئالىيلىرى، بۇ كىشىلەر يەرەمىيا پەيغەمبەرنى قۇدۇققا تاشلاپ، ناھايىتى يامان ئىش قىلدى. شەھەردە ئاشلىق تۈگەپ قالغان ئەھۋالدا، ئۇ جەزمەن ئۇ يەردە ئاچلىقتىن ئۆلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ كۇش يۇرتىدىن بولغان ئەمەلدار ئەبەد-مەلەككە مۇنداق دەپ بۇيرۇدى: _ بۇ يەردىن ئوتتۇز ئادەمنى ئېلىپ بېرىپ، يەرەمىيا پەيغەمبەرنى قۇدۇقتىن تارتىپ چىقىرىڭلار، ئۇ قۇدۇقتا ئۆلۈپ قالمىسۇن. شۇنىڭ بىلەن ئەبەد-مەلەك ئادەملەرنى بىرگە ئېلىپ بېرىپ، ئوردا خەزىنىسىنىڭ ئاستىدىكى ئۆيگە كىردى. ئۇ يىرتىلىپ كەتكەن كونا كىيىملەرنى ئېلىپ چىقىپ، ئۇلارنى ئارغامچىغا باغلاپ، قۇدۇقتىكى يەرەمىياغا تاشلىدى. ئەبەد-مەلەك يەرەمىياغا: _ يىرتىلغان بۇ كونا كىيىملەر بىلەن قولتۇقىڭىزنى يۆگەپ، ئارغامچىنى ئۈستىدىن باغلاڭ، _ دېدى. يەرەمىيا ئەبەد-مەلەكنىڭ دېگىنى بويىچە قىلدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ئارغامچا بىلەن يەرەمىيانى قۇدۇقتىن تارتىپ چىقاردى. ئەمما يەرەمىيا يەنىلا قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا تۇتقۇندا قالدى. ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، پادىشاھ زىدقىيا يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ يېنىغا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى پەرۋەردىگار ئىبادەتخانىسىنىڭ ئۈچىنچى كىرىش ئېغىزىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۆزى بىلەن كۆرۈشتۈرۈشنى بۇيرۇدى. پادىشاھ يەرەمىياغا: _ مەن سەندىن بىر سوئال سورايمەن. ھېچقانداق ئىشنى مەندىن يوشۇرما، _ دېدى. يەرەمىيا زىدقىياغا: _ ئەگەر مەن ساڭا جاۋاب بەرسەم، سەن چوقۇم مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىسەن. مەسلىھەت بەرسەم، مەسلىھەتىمنى ئاڭلىمايسەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن زىدقىيا مەخپىي ھالدا قەسەم قىلىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ مەڭگۈ ھايات ياراتقۇچىمىز پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن سېنى ئۆلتۈرمەيمەن ياكى سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرمەيمەن. شۇنىڭ بىلەن يەرەمىيا زىدقىياغا مۇنداق دېدى: _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار خۇدا، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سەن بابىل پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا تەسلىم بولساڭ، ھايات قالىسەن ۋە بۇ شەھەرمۇ كۆيدۈرۈلمەيدۇ. سەن بىلەن پۈتۈن ئائىلەڭ ھايات قالىدۇ. ئەمما سەن بابىل پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا تەسلىم بولمىساڭ، بۇ شەھەر بابىللىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلۇپ بېرىلىدۇ ۋە ئۇلار بۇ شەھەرنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. سەنمۇ ئۇلارنىڭ قولىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسەن.» پادىشاھ زىدقىيا يەرەمىياغا مۇنداق دېدى: _ مەن بابىللىقلارنىڭ تەرىپىگە ئۆتكەن يەھۇدىيەلىكلەردىن قورقىمەن. بابىللىقلار مېنى ئۇلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرسە، ئۇلار مېنى قىينىشى مۇمكىن. يەرەمىيا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: _ سەن ئۇلارغا تاپشۇرۇلمايسەن. مېنىڭ دېگىنىم بويىچە ئىش قىلىپ، پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلغىن. شۇندىلا ھەممە ئىشلىرىڭ ياخشى بولىدۇ ۋە ھاياتىڭ قۇتقۇزۇلۇپ قالىدۇ. لېكىن سەن تەسلىم بولمىساڭ، پەرۋەردىگار ماڭا غايىبانە ئالامەت ئارقىلىق كۆرسەتكەن ئىشلار يۈز بېرىدۇ. بۇلار مېنىڭ غايىبانە ئالامەتتە كۆرگەنلىرىمدۇر: يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا قالغان بارلىق ئاياللار بابىل پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا بېرىلىدۇ. بۇ ئاياللار سېنى مازاق قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «سەن ئىشەنگەن يېقىن دوستلىرىڭ سېنى ئالدىدى، ئۇلار سېنى باشقۇردى، مانا ئەمدى پۇتلىرىڭ پاتقاققا پاتتى، يېقىن دوستلىرىڭ سەندىن يۈز ئۆرۈدى.» ئاياللىرىڭ ۋە بالىلىرىڭ بابىللىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ. سەنمۇ ئۇلاردىن قېچىپ قۇتۇلالمايسەن. بابىل پادىشاھى سېنى ئەسىرگە ئېلىپ، بۇ شەھەرنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. ئاندىن زىدقىيا يەرەمىياغا: _ سەن بىزنىڭ پاراڭلاشقان سۆزلىرىمىزنى ھېچكىمگە ئېيتما. ئەگەر باشقىلارغا ئېيتساڭ، ئۆلىسەن. ئەمەلدارلار بەلكىم سەن بىلەن پاراڭلاشقانلىقىمدىن خەۋەر تېپىشى مۇمكىن. ئۇلار قېشىڭغا كېلىپ: «سېنىڭ پادىشاھقا ۋە پادىشاھنىڭ ساڭا نېمە دېگەنلىكىنى بىزگە ئېيتىپ بەر. بىزدىن ھېچقانداق ئىشنى يوشۇرما. بولمىسا، سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىمىز» دېيىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇلار يېنىڭغا كەلسە، سەن ئۇلارغا: «مەن ئۆلۈپ كەتمەسلىكىم ئۈچۈن پادىشاھتىن مېنى يوناتاننىڭ ئۆيىگە ئاپىرىۋەتمەسلىكنى ئۆتۈندۈم» دېگىن. بارلىق ئەمەلدارلار يەرەمىيانىڭ يېنىغا كېلىپ، بۇ ئىش توغرۇلۇق سورىدى. يەرەمىيا ئۇلارغا دەل پادىشاھنىڭ دېگىنى بويىچە جاۋاب بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سوراق قىلىشنى توختايتتى. چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ پادىشاھ بىلەن قىلغان پاراڭلىرىنى ئاڭلىمىغانىدى. يەرەمىيا تاكى يېرۇسالېم ئىشغال قىلىنغۇچە قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا تۇردى. پادىشاھ زىدقىيانىڭ يەھۇدىيە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 9-يىلى 10-ئايدا بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ئۆزىنىڭ پۈتۈن قوشۇنلىرى بىلەن يېرۇسالېمنى قورشاپ، ھۇجۇم قىلدى. پادىشاھ زىدقىيا ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 11-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى قوشۇنلار شەھەر سېپىللىرىنى بۇزۇپ كىردى. ئاندىن بابىل پادىشاھىنىڭ بارلىق يۇقىرى ئەمەلدارلىرى شەھەرگە كىرىپ، ئوتتۇرا دەرۋازىنىڭ يېنىدا ئولتۇردى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سامگارلىق نېرگال-شارئەزەر، باش سەركەردە نىبۇ-سارسىكىم ۋە باش ئەمەلدار نېرگال-شارئەزەرلەر ۋە باشقىلار بار ئىدى. يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيا ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرى ئۇلارنى كۆرۈپ، قاچماقچى بولدى. ئۇلار شۇ كېچىسى شەھەردىن ئايرىلىپ، پادىشاھ باغچىسىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، ئىككى سېپىل ئارىسىدىكى دەرۋازا ئارقىلىق شەھەردىن چىقىپ، ئىئوردان ۋادىسىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. بىراق بابىللىقلارنىڭ قوشۇنى ئۇلارنى قوغلاپ، ئېرىخا تۈزلەڭلىكىگە كەلگەندە، بابىل قوشۇنلىرى پادىشاھ زىدقىيانى تۇتۇۋالدى. ئۇلار ئۇنى تۇتقۇن قىلىپ، بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر تۇرۇۋاتقان خامات رايونىدىكى رىبلاھقا ئېلىپ كەلدى. بابىل پادىشاھى ئۇ يەردە ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى. بابىل پادىشاھى رىبلاھتا زىدقىيانىڭ ئوغۇللىرىنى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆلتۈردى. بابىل پادىشاھى يەنە يەھۇدىيەنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرىنى ئۆلتۈردى. ئاندىن ئۇ زىدقىيانىڭ كۆزىنى ئويۇۋېلىپ، ئۇنى تۇچ كىشەن بىلەن كىشەنلەپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى. بابىللىقلار پادىشاھ ئوردىسى ۋە خەلقنىڭ ئۆيلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتتى ھەمدە يېرۇسالېم سېپىللىرىنى بۇزۇۋەتتى. ئاندىن قاراۋۇللار باشلىقى نىبۇزارئادان شەھەردە قالغان پۇقرالارنى ئەسىرگە ئېلىپ، تەسلىم بولغان كىشىلەر بىلەن بىرگە بابىلغا سۈرگۈن قىلدى. لېكىن ئۇ يەھۇدىيە زېمىنىغا ھېچنېمىسى يوق نامرات كىشىلەرنى قالدۇرۇپ قويدى ۋە ئۇلارغا ئۈزۈمزارلىقلار ۋە ئېتىزلارنى بەردى. بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر قاراۋۇللار باشلىقى نىبۇزارئادانغا يەرەمىيا توغرىسىدا بۇيرۇق قىلىپ مۇنداق دېدى: _ يەرەمىيانى تېپىپ، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئال، ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلما، بەلكى نېمىنى تەلەپ قىلسا، شۇنى قىلىپ بەر. شۇنىڭ بىلەن قاراۋۇللار باشلىقى نىبۇزارئادان، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن نىبۇشازبان ۋە نېرگال-شارئەزەر ھەمدە بابىل پادىشاھىنىڭ باشقا ئەمەلدارلىرى يەرەمىيانىڭ قېشىغا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدىن ئېلىپ چىقتى ۋە ئۇنى شافاننىڭ نەۋرىسى، يەنى ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىدالياغا تاپشۇردى. گىداليا ئۇنى ئۆز ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن يەرەمىيا ئۆز خەلقى بىلەن بىللە ياشىدى. يەرەمىيا قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا تۇتقۇندا تۇرغان ۋاقىتلاردا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەنىدى: _ كۇش يۇرتىدىن بولغان ئەبەد-مەلەككە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ساڭا مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن بۇ شەھەرگە تەھدىت سېلىپ ئېيتقان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. مەن گۈللىنىش ئەمەس، ئاپەت ئېلىپ كېلىمەن. سەن يېرۇسالېمنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى كۆرىسەن. لېكىن ۋەيرانچىلىق يۈز بەرگەندە، سېنى قۇتقۇزىمەن. مەن كاپالەتلىك قىلىمەنكى، سەن قورقىدىغان كىشىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالمايسەن. مەن سېنى چوقۇم قۇتقۇزىمەن. سەن قىلىچ بىلەن ئۆلمەيسەن. سەن ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭ ئۈچۈن، ھاياتىڭنى قۇتقۇزۇپ قالىسەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!›» يەرەمىيا كىشەنلىنىپ، بابىلغا سۈرگۈن قىلىنماقچى بولغان يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيە ئاھالىلىرى بىلەن بىرگە راماھ شەھىرىگە ئېلىپ كېتىلدى. ئۇ يەردە قاراۋۇللار باشلىقى نىبۇزارئادان ئۇنى قويۇپ بەردى. ئاندىن پەرۋەردىگار قاراۋۇللار باشلىقى ئارقىلىق يەرەمىياغا سۆز قىلدى. قاراۋۇللار باشلىقى يەرەمىيانى يېنىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگارىڭ خۇدا بۇ يەرگە بالايىئاپەت كەلتۈرىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولغانىدى. ھازىر ئۇ ئۆزى دېگىنىدەك بۇ بالايىئاپەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇردى. چۈنكى سىلەر گۇناھ قىلىپ، پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلمىدىڭلار. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئاپەتلەر بېشىڭلارغا كەلدى. لېكىن مەن ھازىر قولۇڭدىكى كىشەنلەرنى ئېلىۋېتىپ، سېنى قويۇۋېتىمەن. ئەگەر سەن مەن بىلەن بىرگە بابىلغا كېتىشنى خالىساڭ، مەن سېنىڭ ھالىڭدىن ياخشى خەۋەر ئالىمەن. ئەگەر بابىلغا كېتىشنى خالىمىساڭ، بۇ يەردە قالساڭمۇ بولىدۇ. بۇ زېمىندا نەگە بارغۇڭ بولسا، شۇ يەرگە بارساڭ بولىدۇ. قەيەرگە بېرىشنى ئۆزۈڭ تاللىغىن. يەرەمىيا بۇ يەردىن كېتىشكە تەمشىلىۋاتقاندا، قاراۋۇللار باشلىقى مۇنۇلارنى قوشۇپ قويدى: _ بۇ يەردە قالىدىغان بولساڭ، شافاننىڭ نەۋرىسى، يەنى ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليانىڭ يېنىغا بارغىن. بابىل پادىشاھى ئۇنى يەھۇدىيە شەھەرلىرىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەن. قايتىپ كېتىپ ئۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا ياشىغىن ياكى نەگە بېرىشنى ئۆزۈڭ تاللىغىن. ئاندىن قاراۋۇللار باشلىقى يەرەمىياغا ئازراق يېمەكلىك ۋە سوۋغات بېرىپ، ئۇنى يولغا سالدى. شۇنىڭ بىلەن يەرەمىيا مىزپاھ شەھىرىدىكى ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليانىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇ يەردە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ياشىدى. يەرەمىيا ئۇ يەردە يەھۇدىيە زېمىنىدا قالغان كىشىلەر ئارىسىدا تۇردى. قالغان يەھۇدىيە قوشۇنلىرى ۋە ئۇلارنىڭ سەركەردىلىرى دالالاردا يوشۇرۇنۇۋالغانىدى. ئۇلار بابىل پادىشاھىنىڭ ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليانى بۇ زېمىنغا ھۆكۈمدار قىلىپ تەيىنلىگەنلىكىنى ئاڭلىدى. ئۇلار يەنە ئۇنىڭ بابىلغا سۈرگۈن قىلىنماي، بۇ زېمىندا قالغان نامرات ئەرلەر، ئاياللار ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرىنىمۇ باشقۇرىدىغانلىقىنىمۇ ئاڭلىدى. شۇنىڭ بىلەن بارلىق سەركەردىلەر ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرى مىزپاھقا گىداليا بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن كەلدى. بۇلار نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل، قارېياخنىڭ ئوغۇللىرى يوخانان ۋە يوناتان، تانخۇمەتنىڭ ئوغلى سىرايا، نىتوفالىق ئېفاينىڭ ئوغۇللىرى ۋە مائاكالىق يىزانيا قاتارلىق سەركەردىلەر ئىدى. شافاننىڭ نەۋرىسى يەنى ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليا ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن قەسەم بېرىپ، مۇنداق دېدى: _ بابىللىقلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ياشاشتىن قورقماڭلار. بۇ زېمىنغا ماكانلىشىپ، بابىل پادىشاھىنى پادىشاھىمىز دەپ قوبۇل قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار ھەممە ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. ماڭا كەلسەك، مەن مىزپاھتا تۇرۇپ، بىز بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغان بابىللىقلار ئالدىدا سىلەرگە ۋەكىللىك قىلىمەن. سىلەر بولساڭلار، ئۆزۈڭلار ئىگىلىگەن شەھەرلەرگە ماكانلىشىڭلار. ئۈزۈملەر، يازلىق مېۋىلەر ۋە زەيتۇنلاردىن ھوسۇل ئېلىپ ساقلاڭلار. موئاب، ئاممون، ئىدوم ۋە باشقا يەرلەردىكى بارلىق يەھۇدىيەلىكلەر بابىل پادىشاھىنىڭ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ يەھۇدىيەدە ياشىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقىنى ۋە شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليانى ئۇلارنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەنلىكىنى ئاڭلىدى. شۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى جايلارغا تارقىلىپ كەتكەن بارلىق يەھۇدىيەلىكلەر يەھۇدىيە زېمىنىغا قايتىپ كېلىپ، مىزپاھتىكى گىداليانىڭ يېنىغا كەلدى. ئاندىن ئۇلار زېمىندا ماكانلىشىپ، ئۈزۈم ۋە يازلىق مېۋىلەردىن ھوسۇل ئالدى. قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان ۋە دالالاردا يوشۇرۇنۇۋالغان قوشۇن سەركەردىلىرى مىزپاھتىكى گىداليانىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ ئاممون پادىشاھى بائالىسنىڭ نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىلنى سىزنى ئۆلتۈرۈشكە ئەۋەتكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ لېكىن ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليا ئۇلارنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىدى. كېيىن قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان مىزپاھتىكى گىداليا بىلەن ئايرىم پاراڭلىشىپ، مۇنداق دېدى: _ مېنىڭ نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىلنى ئۆلتۈرۈشۈمگە ئىجازەت بېرىڭ. كىمنىڭ قىلغانلىقىنى ھېچكىم بىلەلمەيدۇ. بولمىسا ئۇ سىزنى ئۆلتۈرىدۇ ۋە ئەتراپىڭىزغا يىغىلغان بارلىق يەھۇدىيەلىكلەر تارقىلىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قالغان يەھۇدىيە خەلقىمۇ تۈگەيدۇ. لېكىن ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليا قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانانغا مۇنداق دېدى: _ ئۇنداق قىلما! ئىسمائىل توغرۇلۇق ئېيتقانلىرىڭ يالغان! شۇ يىلنىڭ كۈز پەسلىدە ئەلىشامانىڭ نەۋرىسى، يەنى نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل ئون ئادەمنى باشلاپ، مىزپاھ شەھىرىدىكى ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليانىڭ يېنىغا باردى. ئىسمائىل پادىشاھ جەمەتىدىن بولۇپ، پادىشاھ زىدقىيانىڭ باش سەركەردىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇلار مىزپاھتا گىداليا بىلەن غىزالىنىۋاتقاندا، نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل ۋە ئۇنىڭ بىلەن كەلگەن ئون ئادەم ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، قىلىچلىرىنى چىقىرىپ، شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليا، يەنى بابىل پادىشاھى بۇ زېمىننى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەن ئادەمنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئىسمائىل يەنە مىزپاھتا گىداليا بىلەن بىللە تۇرغان بارلىق يەھۇدىيەلىكلەر ۋە ئۇ يەردىكى بابىل لەشكەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. گىداليانىڭ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەنلىك خەۋىرى تارقالماي تۇرۇپ، ئەتىسى سەكسەن ئادەم شەكەم، شىلو ۋە سامارىيە شەھەرلىرىدىن يېتىپ كەلدى. ئۇلار يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ۋەيران بولغان ئىبادەتخانىسىغا قايغۇ-ھەسرەتلىرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، ساقال-بۇرۇتلىرىنى چۈشۈرۈپ، كىيىملىرىنى يىرتىپ، بەدەنلىرىنى تىلغانىدى. ئۇلار يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ئىسرىق سالماقچىدى. نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل مىزپاھتىن چىقىپ، ئۇلار بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى. ئۇ يالغاندىن يىغلىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: _ مەن بىلەن بىرگە ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليا بىلەن كۆرۈشۈپ كېلىڭلار. لېكىن ئۇلار شەھەرگە كىرگەن ھامان، نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كەلگەن ئادەملەر ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، جەسەتلىرىنى سۇ ئامبىرىغا تاشلىۋەتتى. لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئون ئادەم ئىسمائىلغا: _ بىزنى ئۆلتۈرمە! بىز ساڭا ئېتىزلىقلارغا يوشۇرۇپ قويغان بۇغداي، ئارپا، زەيتۇن يېغى ۋە ھەسىلىمىزنى بېرەيلى، _ دېدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۇلارنى ئۆلتۈرمەي ھايات قالدۇردى. ئىسمائىل جەسەتلەرنى تاشلىۋەتكەن ھېلىقى سۇ ئامبىرىنى يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسا بۇرۇنقى چاغلاردا ئىسرائىلىيە پادىشاھى باشانىڭ ھۇجۇمىدىن قوغدانغان ۋاقتىدا قازدۇرغانىدى. ھازىر نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل بۇ سۇ ئامبىرىنى جەسەتلەر بىلەن تولدۇردى. ئاندىن ئىسمائىل يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا قالغان قىز-ئاياللار ۋە مىزپاھتا قالغان باشقا بارلىق كىشىلەرنى تۇتۇپ، ئاممون زېمىنىغا قاراپ، قېچىپ كەتتى. قاراۋۇللار باشلىقى نىبۇزارئادان بۇ كىشىلەردىن خەۋەر ئېلىشىنى ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىدالياغا تاپشۇرغانىدى. نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىلنىڭ قىلغان بارلىق رەزىل ئىشلىرىدىن خەۋەر تاپقان قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى باشقا قوشۇن سەركەردىلىرى قوشۇنلىرىنى باشلاپ، ئۇنىڭغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلاندى. ئۇلار گىبئوندىكى چوڭ كۆلىنىڭ يېنىدا ئۇنىڭغا يېتىشىۋالدى. ئىسمائىل تۇتقۇن قىلىۋالغان كىشىلەر قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كەلگەن قوشۇن سەركەردىلىرىنى كۆرۈپ، ناھايىتى خۇشال بولدى. ئىسمائىل مىزپاھتىن تۇتۇپ كەلگەن بارلىق كىشىلەر قېچىپ، قارېياخنىڭ ئوغلى يوخاناننىڭ يېنىغا بېرىۋالدى. لېكىن نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل سەككىز ئادىمى بىلەن بىرگە يوخاناندىن ئاممون زېمىنىغا قېچىپ كەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن، قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان ۋە بارلىق قوشۇن سەركەردىلىرى گىبئوندا قۇتقۇزۇپ قالغان ھەممە كىشىلەرنى بىر يەرگە يىغىپ ئېلىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا لەشكەرلەر، ئاياللار، بالىلار ۋە بەزى ئەمەلدارلار بار بولۇپ، بۇلار نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليانى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەر ئىدى. ئۇلار مىسىرغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇلار بەيتلەھەم شەھىرىنىڭ يېنىدىكى گېرۇت-كىمھام دەپ ئاتىلىدىغان بىر جايدا توختىدى. ئۇلار بابىللىقلاردىن قورقاتتى، چۈنكى نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل بابىل پادىشاھى بۇ زېمىننى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەن ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليانى ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى. قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان ۋە ھوشايانىڭ ئوغلى يىزانيا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق قوشۇن سەركەردىلىرى ۋە ھەرقايسى تەبىقىدىكى كىشىلەر پەيغەمبەر يەرەمىيانىڭ يېنىغا باردى. ئۇلار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ بىزنىڭ تەلىپىمىزگە قۇلاق سېلىپ، بۇ زېمىندا قالغان بىزلەر ئۈچۈن پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا دۇئا قىلسىڭىز. بۇرۇن سانىمىز كۆپ ئىدى، لېكىن ھازىر سىز كۆرگەندەك، پەقەت نەچچىمىزلا قالدۇق. پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا دۇئا قىلسىڭىز، ئۇ بىزگە نەگە بېرىشىمىز ۋە قانداق قىلىشىمىز ھەققىدە يول كۆرسىتىپ بەرسە. يەرەمىيا پەيغەمبەر جاۋابەن: _ بولىدۇ، مەن پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا دېگىنىڭلار بويىچە دۇئا قىلىمەن ھەمدە ئۇنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى سىلەرگە ئېيتىمەن. سىلەردىن ھېچ ئىشنى يوشۇرمايمەن، _ دېدى. ئۇلار يەرەمىياغا جاۋاب بېرىپ: _ ئەگەر بىز پەرۋەردىگار خۇدانىڭ سىزگە ئېيتقىنى بويىچە ئىش قىلمىساق، پەرۋەردىگار بىزگە ھەققانىي ۋە ئىشەنچلىك گۇۋاھچى بولسۇن ۋە بىزنى جازالىسۇن. بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ساڭا ئېيتقىنى بويىچە ئىش كۆرىمىز. بىز سىزنى خۇدادىن شۇنى سوراشقا ئەۋەتىمىزكى، ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنى ياخشى كۆرەيلى ياكى كۆرمەيلى، ئىشلىرىمىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭ دېگەنلىرىگە بويسۇنىمىز، _ دېدى. ئون كۈندىن كېيىن، پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا جاۋاب كەلدى. شۇنىڭ بىلەن يەرەمىيا قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە يۈرىدىغان بارلىق قوشۇن سەركەردىلىرىنى ھەمدە ھەممە تەبىقىدىكى كىشىلەرنى يىغدى. ئاندىن يەرەمىيا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر مېنى، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ يېنىغا تەلەپلىرىڭلارنى ئېيتىشقا ئەۋەتتىڭلار. ئەمدى پەرۋەردىگار سىلەرگە جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىلەر داۋاملىق بۇ زېمىندا تۇرساڭلار، مەن سىلەرنى قۇدرەتلىك قىلىمەن، ۋەيران قىلمايمەن. سىلەرنى ئۆستۈرىمەن، قومۇرۇپ تاشلىمايمەن. چۈنكى سىلەرگە ئاپەت ئېلىپ كەلگىنىمدىن ناھايىتى قايغۇردۇم. سىلەر ئەندىشە قىلىۋاتقان بابىل پادىشاھىدىن قورقماڭلار. مەن سىلەرگە دەيمەنكى، ھەرگىز ئۇنىڭدىن قورقماڭلار، چۈنكى مەن سىلەر بىلەن بىرگە تۇرۇپ، سىلەرنى قوغدايمەن ھەمدە ئۇنىڭ قولىدىن سىلەرنى قۇتقۇزىمەن. مەن ئۇنى رەھىم-شەپقەتلىك قىلىش ئارقىلىق سىلەرگە مېھرىبانلىق كۆرسىتىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سىلەرنى ئۆز زېمىنىڭلاردا ياشاشقا يول قويىدۇ.» يەرەمىيا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: _ لېكىن سىلەر «بۇ زېمىندا تۇرمايمىز» دەپ، پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا ئىتائەت قىلمىساڭلار ھەمدە «مىسىرغا كېتەيلى، ئۇ يەردە بىز ئۇرۇش كۆرمەيمىز، ئۇرۇشقا چاقىرىۋاتقان بۇرغا ئاۋازلىرىنى ئاڭلىمايمىز ياكى ئاچارچىلىققا قالمايمىز، بىز ئۇ يەردە تۇرىمىز» دەيدىغان بولساڭلار، ئەي يەھۇدىيەدە ئامان قالغانلار، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار! قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىلەر مىسىرغا كېتىپ، ئۇ يەردە ياشاشنى قارار قىلغان بولساڭلار، سىلەر قورققان ئۇرۇشلارغا ئۇ يەردە، يەنى مىسىر زېمىنىدا يولۇقىسىلەر. سىلەر قورققان ئاچارچىلىق كەينىڭلاردىن ئەگىشىپ بارىدۇ. سىلەر مىسىردا ھالاك بولىسىلەر. مىسىرغا كېتىپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ قېلىشنى قارار قىلغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىك تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. ھېچكىم ھايات قالمايدۇ ياكى مەن ئۇلارغا چۈشۈرىدىغان ئاپەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.» چۈنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىلەر مىسىرغا كەتسەڭلار، مەن غەزەپ-نەپرىتىمنى يېرۇسالېمدىكى كىشىلەرگە ياغدۇرغاندەك، سىلەرگىمۇ ياغدۇرىمەن. سىلەر كىشىلەرنىڭ قارغىشىغا قېلىپ، ئۇلار قارغاشتا ئىشلىتىدىغان بىر سۆزگە ئايلىنىپ قالىسىلەر. سىلەر ناھايىتى قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشۈپ قالىسىلەر، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرايسىلەر ۋە ئۆز زېمىنىڭلارنى ھەرگىز قايتا كۆرەلمەيسىلەر.» يەرەمىيا ئۇلارنى داۋاملىق ئاگاھلاندۇرۇپ، مۇنداق دېدى: _ ئەي يەھۇدىيەدە ھايات قالغانلار! پەرۋەردىگار سىلەرگە: «مىسىرغا بارماڭلار» دەيدۇ. بىلىشىڭلار كېرەككى، مەن بۈگۈن سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويدۇم! سىلەر جانغا زامىن خاتالىق سادىر قىلدىڭلار. چۈنكى سىلەر مېنى «پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا بىز ئۈچۈن دۇئا قىلساڭ، پەرۋەردىگارىمىز خۇدا نېمە دېسە، بىز ئۇنىڭ دېگەنلىرى بويىچە شۇنى قىلىمىز» دەپ مېنى پەرۋەردىگارىمىز خۇدادىن سوراشقا ئەۋەتتىڭلار. مەن بۈگۈن سىلەرگە ئېيتتىم، لېكىن سىلەر پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ماڭا سىلەرگە يەتكۈزۈشكە ئېيتقان ھېچقانداق سۆزىگە ئىتائەت قىلمىدىڭلار. لېكىن ھازىر، چوقۇم بىلىشىڭلار كېرەككى، سىلەر بېرىپ ياشىماقچى بولغان جايدا ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلىسىلەر. يەرەمىيا خەلققە، پەرۋەردىگار خۇدا ئۇلارغا ئېيتىشنى بۇيرۇغان بارلىق سۆزلەرنى يەتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ھوشايانىڭ ئوغلى ئازاريا، قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان ۋە باشقا تەكەببۇر ئادەملەر يەرەمىياغا مۇنداق دېدى: _ يالغان سۆزلەۋاتىسەن! پەرۋەردىگارىمىز خۇدا سېنى بىزگە «مىسىرغا بارماڭلار!» دەپ ئېيتىشقا ئەۋەتمىدى. نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇك سېنى بۇلارنى بىزگە ئېيتىشقا كۈشكۈرتتى. ئۇ بىزنى بابىللىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرمەكچى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار بىزنى ئۆلتۈرىدۇ ياكى بابىلغا سۈرگۈن قىلىپ ئېلىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان، بارلىق قوشۇن سەركەردىلىرى ۋە قالغان خەلق پەرۋەردىگارنىڭ يەھۇدىيە زېمىنىدا تۇرۇپ قېلىڭلار دېگەن بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلمىدى. ئەكسىچە، قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان ۋە بارلىق قوشۇن سەركەردىلىرى يەھۇدىيەدىكى ئۆزلىرىگە ئەگەشكەن خەلقنى ئېلىپ مىسىرغا ماڭدى. ئۇلار ئەسلى باشقا جايلارغا تارقىتىۋېتىلگەندىن كېيىن، يەھۇدىيەگە قايتىپ كەلگەن كىشىلەر ئىدى. ئۇلار ئەرلەر، ئاياللار، بالىلار ۋە يەھۇدىيە پادىشاھنىڭ ئوردىسىدا قالغان قىز-ئاياللارنى ئېلىپ ماڭدى. ئۇلار قاراۋۇللار باشلىقى نىبۇزارئادان شافاننىڭ نەۋرىسى ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىدالياغا قالدۇرغان ھەممە كىشىلەرنى ئېلىپ ماڭدى. بۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا يەرەمىيا پەيغەمبەر ۋە نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇكمۇ بار ئىدى. ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلماي، مىسىردىكى تاخپانخېس شەھىرىگە باردى. تاخپانخېس شەھىرىدە پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق دېدى: _ تاشلارنى ئېلىپ كېلىپ، پىرئەۋننىڭ تاخپانخېستىكى ئوردىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى خىش يولنىڭ ئاستىغا كۆمۈپ قويغىن. يەھۇدىيە خەلقى بۇنى كۆرسۇن. ئاندىن ئۇلارغا بۇ سۆزلەرنى ئېيتقىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن خىزمەتكارىم بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىمەن. مەن كۆمۈلگەن بۇ تاشلارنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ تەختىنى قۇرىمەن. بۇ تاشلارنىڭ ئۈستىگە پادىشاھ ئۆز چېدىرىنى تىكىدۇ. نىبۇكادنەزەر كېلىپ، مىسىرغا ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىكى پېشانىسىگە كېسەللىك پۈتۈلگەنلىرى، كېسەل بىلەن ئۆلىدۇ، سۈرگۈن قىلىنىش پۈتۈلگەنلىرى سۈرگۈن قىلىنىدۇ، ئۇرۇشتا ھالاك بولۇشقا پۈتۈلگەنلىرى ئۇرۇشتا ھالاك بولىدۇ. نىبۇكادنەزەر مىسىر ئىلاھلىرىنىڭ بۇتلىرىنى ئولجا ئالىدۇ ۋە بۇتخانىلىرىغا ئوت قويۇپ، كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. ئۇ مىسىر زېمىنىدىكى نەرسىلەرنى خۇددى پادىچى چاپىنىدىكى پىتلارنى تەرگەندەك، ھەممىسىنى تېرىۋېلىپ، ساق-سالامەت قايتىپ كېتىدۇ. ئۇ مىسىردىكى قۇياشقا ئاتالغان بۇتخانىغا ئورنىتىلغان تۈۋرۈكلەرنى چېقىپ تاشلايدۇ ھەمدە مىسىرلىقلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ بۇتخانىلىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ.›» بۇ، مىسىرنىڭ شىمالىدىكى مىگدول، تاخپانخېس ۋە نوپ شەھەرلىرىدە ھەمدە مىسىرنىڭ جەنۇبىدا ياشاۋاتقان يەھۇدىيە خەلقى توغرىسىدا يەرەمىياغا چۈشكەن ۋەھىيدۇر: «مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سىلەرگە مۇنداق دەيمەن: سىلەر مەن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا بارلىق شەھەرلىرىگە ئېلىپ كەلگەن ھەممە بالايىئاپەتلەرنى كۆردۈڭلار. بۇ شەھەرلەر تاكى بۈگۈنگىچە ئادەمزاتسىز خارابىلىكتە تۇرماقتا. بۇ يەردە ياشىغان خەلقىم رەزىل ئىشلارنى قىلىپ، غەزىپىمنى كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ بالايىئاپەتلەر يۈز بەردى. ئۇلار ئەجدادلىرىڭلار، ھەتتا سىلەرمۇ نامىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان بۇت ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، قۇربانلىقلارنى كۆيدۈردى. مەن خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى قايتا-قايتا ئەۋەتىپ، خەلقىمگە مەن نەپرەتلىنىدىغان بۇنداق يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلماسلىقنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتقانىدىم. لېكىن ئۇلار سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدى، پەرۋا قىلمىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ رەزىل يوللىرىدىن يانماي، بۇت ئىلاھلارغا قۇربانلىق كۆيدۈرۈشنى توختاتمىدى. شۇڭا مەن ئۇلارنىڭ بېشىغا غەزەپ-نەپرىتىمنى ياغدۇردۇم. غەزەپ-نەپرىتىم يېرۇسالېم كوچىلىرى ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىنى ئوتقا ئوخشاش كۆيدۈرىدۇ. ھازىر بۇ شەھەرلەر ۋەيران بولۇپ خارابىلىكتە تۇرماقتا. شۇڭلاشقا مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ھازىر سىلەردىن سورايمەن: نېمە ئۈچۈن ئۆزۈڭلارغا زىيان سالىدىغان بۇنداق رەزىل ئىشلارنى قىلىسىلەر؟ ئۆز ئەرلىرىڭلار، ئاياللىرىڭلار، بالىلىرىڭلار ۋە بوۋاقلىرىڭلارغا ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىپ ‹ھېچكىم ھايات قالمىسۇن› دەمسىلەر؟! نېمە ئۈچۈن مىسىرغا كېلىپ، ئۆزۈڭلار ياسىۋالغان بۇت ئىلاھلارغا قۇربانلىقلارنى كۆيدۈرۈپ، غەزىپىمنى قوزغايسىلەر؟ سىلەر پەقەت ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈڭلار ۋەيران قىلىسىلەر ھەمدە دۇنيادىكى بارلىق ئەللەر قارغايدىغان ۋە مەسخىرە قىلىدىغان نىشانغا ئايلىنىپ قالىسىلەر. سىلەر ئەجدادلىرىڭلار، يەھۇدىيە پادىشاھلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرى قىلغان رەزىل ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالدىڭلارمۇ؟ ئۆزۈڭلار ۋە ئاياللىرىڭلارنىڭ يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېم كوچىلىرىدا قىلغان رەزىل ئىشلىرىنى ئۇنتۇپ قالدىڭلارمۇ؟ بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر سىلەر توۋا قىلمىدىڭلار. سىلەر ماڭا ئىخلاسمەن بولمىدىڭلار، مەن سىلەرگە ۋە ئەجدادلىرىڭلارغا بەرگەن ئەمر-پەرمانلار بويىچە ياشىمىدىڭلار. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، سىلەرگە بالايىئاپەت كەلتۈرۈشنى قارار قىلدىم. ھەتتا، بۇ يەردە ياشاۋاتقان بارلىق يەھۇدىيەلىكلەرنىمۇ يوقىتىمەن. مىسىرغا بېرىپ، ئۇ يەردە ياشاشقا قارار قىلغان يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ ئامان قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلىمەن. مەيلى مەرتىۋىسى يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مىسىردا ئۇرۇش ياكى ئاچارچىلىقتىن ئۆلىدۇ. ئۇلار كىشىلەرنىڭ قارغىشىغا قېلىپ، كىشىلەر قارغاشتا ئىشلىتىدىغان بىر سۆزگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇلار ناھايىتى قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرايدۇ. مەن ئۇلارنى خۇددى يېرۇسالېمدىكىلەرنى جازالىغاندەك، مىسىردا ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەل بىلەن جازالايمەن. يەھۇدىيەدىن مىسىردا ياشاشقا كەلگەن يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ ھېچقايسىسى ھايات قالمايدۇ ياكى يەھۇدىيەگە قايتىپ كېتەلمەيدۇ. گەرچە ئۇلار قايتىپ، ئۇ يەردە ياشاشنى ئارزۇ قىلسىمۇ، پەقەت ئاز ساندىكى يەھۇدىيە مۇساپىرلىرىلا ئۇ يەرگە قايتالايدۇ.» يەھۇدىيەدىن كېلىپ شىمالىي ۋە جەنۇبىي مىسىردا ياشاۋاتقانلاردىن بۇت ئىلاھلارغا قۇربانلىق كۆيدۈرىدىغان ئاياللار ۋە بۇنىڭدىن خەۋەردار ئەرلەر بىر يەرگە توپلىنىپ، يەرەمىياغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: _ بىز سېنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا ئېيتقان سۆزلىرىڭنى ئاڭلىمايمىز. بىز قىلىمىز دەپ قەسەم قىلغان ھەممە ئىشلارنى جەزمەن قىلىمىز. يەھۇدىيە شەھەرلىرى ۋە يېرۇسالېم كوچىلىرىدا خۇددى ئەجدادلىرىمىز، پادىشاھلىرىمىز ۋە ئەمەلدارلىرىمىز بۇرۇن قىلغانغا ئوخشاش، ئۆزىمىزنىڭ ئىلاھى، يەنى «جەننەت خانىشى»غا چوقۇم قۇربانلىق كۆيدۈرىمىز ھەمدە ئۇنىڭغا ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇنىمىز. چۈنكى شۇنداق قىلغان كۈنلەردە يېمەكلىكلىرىمىز مول بولۇپ، گۈللەندۇق ۋە ھېچقانداق بالايىئاپەتلەرگە ئۇچرىمىدۇق. لېكىن بىز «جەننەت خانىشى»غا قۇربانلىق كۆيدۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇنۇشنى توختاتقاندىن بۇيان، ھەممە نەرسىمىز كەمچىل بولماقتا، قېرىنداشلىرىمىز ئۇرۇش ياكى ئاچلىقتىن ئۆلمەكتە. ئاياللار: _ بىز ھەقىقەتەن «جەننەت خانىشى»غا قۇربانلىق كۆيدۈرۈپ، ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇندۇق. بۇنى بىزنىڭ ئەرلىرىمىز بىلىدۇ ھەم «جەننەت خانىشى»نىڭ شەكلىدە پېچىنە-پىرەنىكلەرنى پىشۇرۇشىمىزنى ۋە ئۇنىڭغا ئاتاپ ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇنۇشىمىزنى قوللايدۇ، _ دېدى. ئاندىن يەرەمىيا ئۆزىگە جاۋاب بەرگەن بارلىق كىشىلەر، يەنى ئەر ۋە ئاياللارغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر ۋە سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار، پادىشاھلىرىڭلار ۋە ئەمەلدارلىرىڭلار، شۇنداقلا بۇ زېمىندىكى باشقا كىشىلەرنىڭ يەھۇدىيە شەھەرلىرى ۋە يېرۇسالېم كوچىلىرىدا بۇت ئىلاھلارغا قۇربانلىق كۆيدۈرگەنلىكىنى خۇدا بىلمەيدۇ ياكى ئۇنتۇپ قالدى، دەپ ئويلامسىلەر؟! پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ قىلغان رەزىل ۋە يىرگىنچلىك ئىشلىرىڭلارغا چىداپ تۇرالمىدى. شۇ سەۋەبتىن زېمىنىڭلار ھېچكىم ياشىمايدىغان چۆل-جەزىرىگە ئايلاندى. زېمىنىڭلارنىڭ نامى قارغىش سۆزى ئورنىدا تىلغا ئېلىنىدۇ. بۈگۈن ئۇ زېمىن شۇ ھالەتتە تۇرماقتا. سىلەر بۇت ئىلاھلارغا قۇربانلىق كۆيدۈرۈپ، پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزدۈڭلار! سىلەر پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلمىدىڭلار! ئۇنىڭ قانۇن ۋە ئەمر-پەرمانلىرى بويىچە ياشىمىدىڭلار! شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ بالايىئاپەتلەر بېشىڭلارغا كەلدى. ئاندىن يەرەمىيا بارلىق كىشىلەرگە، بولۇپمۇ ھېلىقى ئاياللارغا مۇنداق دېدى: _ ئەي مىسىردا تۇرۇۋاتقان پۈتكۈل يەھۇدىيە خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ئاياللىرىڭلار بىلەن بىرلىكتە قىلغان قەسىمىڭلاردا چىڭ تۇرۇۋالدىڭلار. سىلەر: ‹قىلغان قەسىمىمىز بويىچە ئىش قىلىمىز، جەننەت خانىشىغا چوقۇم قۇربانلىق كۆيدۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى تۆكىمىز› دېدىڭلار. بولىدۇ، داۋاملاشتۇرۇۋېرىڭلار. قەسىمىڭلاردا تۇرۇپ، شۇ بويىچە ئىش قىلىۋېرىڭلار.» ئەي مىسىردا ياشاۋاتقان بارلىق يەھۇدىيە خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار! پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلۇغ نامىم بىلەن شۇنداق قەسەم قىلىمەنكى، يەھۇدىيەدىن كېلىپ مىسىرنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقانلارنىڭ ھېچقايسىسىنى مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىشقا يول قويمايمەن. مەن سىلەرنى كۆزىتىمەن، بېشىڭلارغا بەخت ئەمەس، بەلكى ئاپەت چۈشۈرىمەن. مىسىردا ياشاۋاتقان يەھۇدىيە خەلقى ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىقتا ئۆلۈپ تۈگەيدۇ. ئۇرۇشتىن قاچقان ناھايىتى ئاز بىر قىسىم كىشىلەرلا يەھۇدىيەگە قايتىدۇ. ئاندىن مىسىردا ئولتۇراقلاشقان يەھۇدىيە خەلقى مېنىڭ ياكى ئۆزلىرىنىڭ سۆزلىرىدىن كىمنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى بىلىشىدۇ، مەن پەرۋەردىگار سىلەرنى مىسىردا جازالايمەن. سىلەرنىڭ بۇ سۆزۈمنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىمنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە مۇنداق بېشارەت كۆرسىتىمەن: مەن يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيانى ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمىنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرگەندەك، مىسىر پادىشاھى خوفرانىمۇ ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن.» نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇك يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ ئېيتقانلىرىنى تېرىگە پۈتكەن ۋاقتىدا، يەرەمىيا ئۇنىڭغا بىر ۋەھىينى يەتكۈزگەنىدى. بۇ ۋەھىي يوشىيانىڭ ئوغلى يىھوياقىمنىڭ يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقىنىڭ 4-يىلى پۈتۈلگەن بولۇپ، يەرەمىيا مۇنداق دېگەنىدى: _ ئەي بارۇك، ساڭا پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سەن ‹ھالىمغا ۋاي! چۈنكى پەرۋەردىگار قايغۇمغا تېخىمۇ كۆپ قايغۇ قوشتى. يىغا-زاردىن ھالىمدىن كەتتىم، ئاراملىق تاپالمىدىم!› دەيسەن. ئەمما پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن بەرپا قىلغان نەرسىلىرىمنى بۇزۇپ، تېرىغان زىرائەتلىرىمنى يۇلۇپ تاشلايمەن. بۇ ئىشلارنى پۈتكۈل يەر يۈزىدە قىلىمەن. سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئۇلۇغ ئىش قىلىشنى ئىزدەۋاتامسەن؟ ئىزدىمىگىن. چۈنكى مەن بارلىق ئىنسانغا بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىمەن. لېكىن سەن نەگىلا بارغىن، مەن سېنى ھايات قالدۇرىمەن. مانا بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.›» بۇ، پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا كەلگەن باشقا ئەللەر توغرىسىدىكى ۋەھىيلەردۇر. بۇ مىسىر توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر. يوشىيانىڭ ئوغلى يىھوياقىمنىڭ يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقىنىڭ 4-يىلى، بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر فىرات دەرياسىنىڭ يېنىدىكى كاركىمىش دېگەن جايدا مىسىر پادىشاھى نىكونىڭ قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلغانىدى. پەرۋەردىگار مىسىر قوشۇنلىرى ھەققىدە بۇرۇن مۇنداق دېگەنىدى: «مىسىر سەركەردىلىرى ۋارقىراپ: ‹چوڭ-كىچىك قالقانلىرىڭلارنى تەييارلاپ، ئۇرۇشقا ئاتلىنىڭلار! ئاتلىرىڭلارنى جەڭ ھارۋىلىرىغا قېتىپ، ھارۋىلىرىڭلارغا چىقىڭلار! دۇبۇلغىلارنى كىيىپ، سەپ تۈزۈپ تۇرۇڭلار! نەيزىلىرىڭلارنى ئۇچلاپ ئۆتكۈر قىلىڭلار، ساۋۇتىڭلارنى كىيىڭلار!› دەيدۇ. لېكىن مەن نېمىلەرنى كۆرۈۋاتىمەن؟ مىسىرنىڭ قوشۇنلىرى ۋەھىمىگە چۈشۈپ، لەشكەرلەر قېچىپ كېتىۋاتىدۇ. ئۇلار مەغلۇپ بولۇپ، ئارقىغا قارىماستىن تېز قاچماقتا. ھەممە يەر قورقۇنچلۇق! ئەڭ تېز يۈگۈرەلەيدىغانلارمۇ قېچىپ كېتەلمەيدۇ. باتۇر لەشكەرلەرمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئۇلار شىمالدىكى فىرات دەرياسى بويلىرىدا پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ. كىم ئۇ نىل دەرياسىنىڭ سۈيىدەك كۆتۈرۈلۈپ، قىرغاقتىن تېشىۋاتقان؟ ئۇ بولسا مىسىر، نىل دەرياسىنىڭ دولقۇنلىرى دەريا قىرغىقىدىن تاشقاندەك كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ. مىسىر مۇنداق دېگەن: ‹مەن كۆتۈرۈلۈپ، دۇنيانى قاپلايمەن. شەھەرلەر ۋە ئۇلاردا ياشايدىغان خەلقنى ۋەيران قىلىمەن.› ئەي ئاتلىقلار، جەڭگە بېرىۋېرىڭلار. ئەي ھارۋىلىق جەڭچىلەر، ھارۋىلارنى شىددەت بىلەن ھەيدەڭلار. ئەي قاۋۇل مىسىر جەڭچىلىرى، كۇش ۋە لىۋىيەدىن كەلگەن، قالقان كۆتۈرۈۋالغان ياللانما جەڭچىلەر ھەم لۇدتىن كەلگەن ئوقياچىلار، جەڭگە ئاتلىنىڭلار! لېكىن بۇ كۈن مەن ئىگەڭلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا مەنسۇپتۇر. بۇ كۈن مەن پەرۋەردىگار قىساس ئالىدىغان كۈندۇر. مەن دۈشمەنلىرىمدىن ئىنتىقام ئالىمەن. مېنىڭ قىلىچىم تويغۇچە گۆش يەيدۇ، قانخورلۇقى بېسىلغۇچە قاندىن ئىچىدۇ. مەن ئىگەڭلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شىمالدىكى فىرات دەرياسىنىڭ بويلىرىدا دۈشمەننى قۇربانلىق مال قىلىمەن. ئى مىسىر خەلقى، سىلەر بىكاردىن-بىكار نۇرغۇنلىغان دورىلارنى تەييارلىدىڭلار، گىلئادقا بېرىپ، مەلھەممۇ تېپىپ كېلىڭلار، لېكىن سىلەر بەرىبىر ساقايمايسىلەر. باشقا ئەللەر سىلەرنىڭ شەرمەندىلەرچە مەغلۇپ بولغانلىقىڭلارنى ئاڭلايدۇ. دۇنيا سىلەرنىڭ يىغا-زارىڭلار بىلەن تولىدۇ. باتۇرلىرىڭلارمۇ بىر-بىرىگە پۇتلىشىپ، يىقىلىدۇ.» پەرۋەردىگار يەرەمىيا پەيغەمبەرگە نىبۇكادنەزەرنىڭ مىسىرغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇنداق دەپ ئېيتتى: «مىسىرلىقلارغا ئۇقتۇرۇڭلار، بۇنى مىگدول، نوپ ۋە تاخپانخېس شەھەرلىرىگە جاكارلاڭلار: ‹سەپ تۈزۈپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىڭلار. چۈنكى دۈشمەن قوشۇنلىرى قوشنا ئەللەرنى ۋەيران قىلىۋاتىدۇ.› بۇقا ئىلاھىڭلار ‹ئاپىس› نېمە ئۈچۈن يىقىلدى؟ ئۇ ئورنىدىن تۇرالمايدۇ، چۈنكى مەن پەرۋەردىگار ئۇنى يىقىتىۋەتتىم. مەن ياللانما لەشكەرلىرىڭلارنى ئۆزئارا پۇتلاشتۇرىمەن. ئۇلار تېز قاچماقچى بولۇپ، بىر-بىرىنىڭ ئۈستىگە يىقىلىدۇ. ئۇلار: ‹ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار! ئۆز ئادەملىرىمىز بار يەرگە، يۇرتىمىزغا قايتايلى، دۈشمەن قىلىچىدىن قاچايلى!› دەيدۇ. ئاندىن يۇرتقا يېتىپ بارغاندا، ئۇلار: ‹مىسىر پادىشاھى ئاغزىدىلا گېپى بار ئادەم ئىكەن، ئۇ پۇرسىتىنى كەتكۈزۈپ قويدى!› دەيدۇ. مەن پادىشاھ، قۇدرەتلىك سەردار، يەنى مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار شۇنداق قەسەم قىلىمەنكى، تاغلار ئارىسىدىكى تابور تېغىدەك مۇستەھكەم، دېڭىز بويىدىكى كارمەل تېغىدەك ھەيۋەتلىك بىرى كېلىدۇ. ئى مىسىر خەلقى، نەرسىلىرىڭلارنى تەييارلاپ، سۈرگۈن قىلىنىشقا ھازىرلىنىڭلار. نوپ شەھىرى ۋەيران بولىدۇ. ئۇ خارابىلىككە ئايلىنىپ، ئادەمزاتسىز قالىدۇ. مىسىر چىرايلىق بىر ياش كالىغا ئوخشايدۇ، لېكىن بىر توپ قوشۇن شىمالدىن كېلىپ، قان شورىغۇچ كۆكۈيۈندەك، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدۇ. مىسىرنىڭ ياللانما لەشكەرلىرى سېمىز موزايلارغا ئوخشايدۇ. ئۇلار ئارقىغا بۇرۇلۇپ، بىللە قاچىدۇ، ئۆز ئورۇنلىرىدا چىڭ تۇرالمايدۇ. چۈنكى ئۇلارغا ئاپەت كېلىدىغان ۋاقىت كەلدى. ئۇلارنى جازالايدىغان كۈن كەلدى! دۈشمەنلەر كۈچلىنىپ ئىلگىرىلىگەندە، مىسىر يىلاندەك شىپپىدە قاچىدۇ. مىسىرلىقلار دەرەخلەرگە، دۈشمەن دەرەخ كەسكۈچىلەرگە ئوخشاپ قالىدۇ، دۈشمەنلەر ئۇلارنى پالتا بىلەن چاپىدۇ. مىسىرنىڭ ئاھالىسى كەڭ كەتكەن قويۇق بىر ئورمانلىققا ئوخشايدۇ، لېكىن مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتىمەنكى، دۈشمەنلەر ئۇلارنى كېسىپ تاشلايدۇ. چۈنكى ئۇلارنى كېسىپ تاشلايدىغانلارنىڭ سانى چېكەتكىلەردىنمۇ كۆپتۇر، ئۇلار ساناقسىزدۇر. مىسىر خەلقى نومۇسقا قالىدۇ. ئۇلار شىمالدىن كەلگەن خەلقنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ.» قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «مەن نوئامون شەھىرىنىڭ ئىلاھى ئاموننى جازالايمەن. مىسىر ۋە ئۇنىڭ بۇت ئىلاھلىرىنى، پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ خانىدانلىقىنى، شۇنداقلا پىرئەۋنگە تايانغان بارلىق كىشىلەرنى جازالايمەن. مەن بۇ كىشىلەرنى ئۇلارنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمەنلىرىگە، يەنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ۋە ئۇنىڭ سەركەردىلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. لېكىن بىر مەزگىلدىن كېيىن، مىسىردا بۇرۇنقى چاغلاردىكىدەك ئادەم ياشايدۇ. ئەي خىزمەتكارلىرىم بولغان ياقۇپ ئەۋلادلىرى، قورقماڭلار. ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، ۋەھىمىگە چۈشمەڭلار. مەن سىلەر ۋە ئەجدادلىرىڭلارنى سىلەر سۈرگۈن قىلىنغان يىراق زېمىنلاردىن قايتۇرۇپ كېلىمەن. ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى ئۆز زېمىنىغا قايتىپ، تىنچ-خاتىرجەم تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئۇلارنى ھېچكىم قورقۇتمايدۇ. ئى خىزمەتكارلىرىم بولغان ياقۇپ ئەۋلادلىرى، مەن پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، قورقماڭلار، چۈنكى مەن سىلەرگە يار بولىمەن. گەرچە مەن سىلەرنى تارقىتىۋەتكەن يەرلەردىكى بارلىق خەلقلەرنى ۋەيران قىلساممۇ، ئەمما سىلەرنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلمايمەن. مەن سىلەرنى جازالايمەن، لېكىن ئادىللىق بىلەن بولىدۇ، سىلەرنى ھەرگىز جازاسىز قويمايمەن.» بۇ پىرئەۋننىڭ گازا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىشىدىن ئىلگىرى پەرۋەردىگارنىڭ فىلىستىيەلىكلەر توغرىسىدا يەرەمىياغا ئېيتقان ۋەھىيسىدۇر. پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: «قاراڭلار، شىمالدا دۈشمەن توپلىنىۋاتىدۇ، خۇددى سۇ ئۆرلەۋاتقاندەك. ئۇلار دەريادەك تاشماقچى بولۇۋاتىدۇ. پۈتكۈل زېمىندىكى ھەممە نەرسىلەر كەلكۈندە قالىدۇ، شەھەر ۋە ئادەملەر سۇ ئاستىدا قالىدۇ. كىشىلەر ئالاقزادە بولۇپ، ۋارقىرايدۇ. بۇ زېمىندا ياشايدىغان ھەممە كىشىلەر ئازابلىنىپ يىغا-زار قىلىدۇ. دۈشمەن ئاتلىرىنىڭ تۇياق ئاۋازى، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئۇنىڭ چاقلىرىنىڭ غىچىرلىغان ئاۋازلىرى ئاڭلىنىدۇ. قورققىنىدىن مادارسىزلانغان ئاتىلار بالىلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈنمۇ كەينىگە قايتىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. بارلىق فىلىستىيەلىكلەرنى ۋەيران قىلىدىغان ۋاقىت كەلدى. ھايات قېلىپ، تىر ۋە سىدون شەھىرىگە ياردەم قىلالايدىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ۋەيران بولىدىغان ۋاقتى كەلدى. كرىت ئارىلىدىن كەلگەن فىلىستىيەلىكلەرنى مەن پەرۋەردىگار تېزلا ۋەيران قىلىمەن. گازا شەھىرى ھازا تۇتۇپ چېچىنى چۈشۈرىدۇ. ئاشقىلون شەھىرى جىمىقتۇرۇلىدۇ. ئەي تۈزلەڭلىكتە ھايات قالغان فىلىستىيەلىكلەر، سىلەر قاچانغىچە تېنىڭلارنى تىلىسىلەر؟ ‹ئەي پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچى، قاچان توختايسەن؟ غىلىپىڭغا قايت، ئارام ئال!› دەيسىلەر. لېكىن مېنىڭ قىلىچىم قانداقمۇ ئارام ئالسۇن، ئۇنى مەن پەرۋەردىگار بۇيرۇغان تۇرسام؟ مەن پەرۋەردىگار ئۇنى ئاشقىلون ۋە دېڭىز ياقىسىدىكى شەھەرلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇغان.» بۇ، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ موئاب توغرىسىدا ئېيتقان ۋەھىيسىدۇر: «نىبو شەھىرىنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى ئۇ ۋەيران قىلىنىدۇ. قىرياتائىم شەھىرى ئىشغال قىلىنىپ، نومۇسقا قالىدۇ. ئۇنىڭ قەلئەسى ئىزا-ئاھانەتكە قېلىپ، يەكسان قىلىنىدۇ. كىشىلەر ئەمدى موئابنى مەدھىيەلىمەيدۇ. دۈشمەن خەشبوندا موئابنى ۋەيران قىلىشنى ئويلايدۇ. ئۇلار: ‹يۈرۈڭلار، بۇ ئەلنى ۋەيران قىلايلى!› دەيدۇ. ئەي مادمېن شەھىرى، سەنمۇ جىمىقتۇرۇلىسەن. قىلىچ سېنى ئىزدەيدۇ. خورونايىم شەھىرىدىن كېلىۋاتقان يىغا ئاۋازىنى ئاڭلاڭلار. ئۇلار ‹ۋەيران بولدۇق، ھالاك بولدۇق!› دەپ يىغلايدۇ. موئاب ۋەيران قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ بالىلىرى يىغلاپ زارلايدۇ. ئۇلار لۇخىت شەھىرىگە چىقىدىغان يولدا كېتىۋېتىپ يىغلايدۇ. ئۇلار خورونايىم شەھىرىگە چۈشىدىغان يولدىمۇ بۇ ۋەيرانچىلىقتىن ئازابلىنىپ يىغلىغان ئاۋازلارنى ئاڭلايدۇ. ئۇلار ‹قېچىڭلار! ھەتتا چۆلدىكى يېگانە چاتقالغا ئوخشاش قالساڭلارمۇ، قېچىپ ئۆزۈڭلارنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار!› دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلايدۇ. موئاب، سەن ئۆزۈڭنىڭ كۈچ-قۇدرىتىڭگە ۋە بايلىقىڭغا بەك ئىشىنىپ كەتتىڭ، لېكىن سەنمۇ ئەسىرلىككە ئېلىنىسەن. بۇت ئىلاھىڭ كىموش ۋە ئۇنىڭ روھانىيلىرى، خىزمەتكارلىرى بىرلىكتە سۈرگۈن قىلىنىدۇ. ۋەيران قىلغۇچىلار ھەربىر شەھەرگە كېلىدۇ. ھېچقانداق شەھەر قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. جىلغىلاردىكى يېزا-قىشلاقلار ۋەيران قىلىنىدۇ. ئېگىزلىككە جايلاشقان شەھەرلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. موئاب ئۈچۈن بىر قەبرە تۇرغۇزۇڭلار. چۈنكى ئۇ جەزمەن ۋەيران قىلىنىدۇ! ئۇنىڭ شەھەرلىرى قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ، ئۇ يەرلەردە ھېچكىم ياشىمايدۇ. پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى جان-دىلى بىلەن قىلماي، قىلىچلىرىنى قان تۆكۈشكە ئىشلەتمىگەنلەر لەنەتكە قالسۇن! موئاب بۇرۇندىن تارتىپ بىخەتەر ياشاپ، سۈرگۈن قىلىنىپ باقمىغان. ئۇلار خۇددى ئىدىشتا ساقلانغان ئۈزۈم شارابىغا ئوخشايدۇ. ئۇلار ئىدىشتىن ئىدىشقا يۆتكەلمىگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ تەمى يەنىلا شۇنداق ئېسىل، پۇراقلىرى ئۆزگەرمىگەن. لېكىن مېنىڭ موئابقا قارشى ئادەملەرنى ئەۋەتىدىغان ۋاقتىم كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار موئابنى شارابنى تۆككەندەك تۆكۈپ، قۇرۇقدايدۇ ۋە ئىدىشلارنى ۋەيران قىلغاندەك ۋەيران قىلىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. موئاب خەلقى ئۆزىنىڭ بۇت ئىلاھى كىموشتىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ، ئۇلار خۇددى ئىسرائىللار بەيتەلدىكى موزاي بۇتقا ئىشىنىپ ئۈمىدسىزلەنگەندەك ئۈمىدسىزلىنىدۇ. ئەي موئاب خەلقى، ئۆزۈڭلارنى قانداقمۇ ‹بىز قەھرىمان، يېڭىلمەس جەڭچىمىز› دېيەلەيسىلەر؟ موئاب ۋەيران قىلىنىپ، ئۇنىڭ شەھەر-يېزىلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ ئېسىل قىران يىگىتلىرى قىرىلىدۇ. بۇ، مەن پادىشاھ، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. موئابنىڭ ۋەيران بولۇشىغا ئاز قالدى. بالايىئاپەت ناھايىتى تېزلا كېلىدۇ. موئابنىڭ ئەتراپىدا ياشايدىغان، ئۇنىڭ نام-شەرىپىنى بىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن ياش تۆكۈڭلار، ‹موئابنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە شان-شەرىپى يوقاپ كەتتى› دەڭلار. ئەي دىبون شەھىرىدە ياشايدىغانلار، مەرتىۋىلىك ئورنۇڭلاردىن چۈشۈپ، قۇرۇق يەردە ئولتۇرۇڭلار. چۈنكى موئابنى ۋەيران قىلغۇچىلار سىلەرگىمۇ ھۇجۇم قىلىپ، مۇستەھكەم شەھەرلىرىڭلارنى ۋەيران قىلىدۇ. ئەي ئاروئېردا ياشاۋاتقانلار، سىلەر يوللارغا چىقىپ قاراڭلار. قېچىۋاتقان ئەر ۋە ئاياللاردىن ‹نېمە بولدى؟› دەپ سوراڭلار. ئۇلار: ‹موئاب مەغلۇپ بولۇپ، نومۇسقا قالدى، ئۈنلۈك ۋارقىراپ يىغلاڭلار، موئابنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ئارنون دەرياسىنىڭ قىرغاقلىرىدا جاكارلاڭلار!› دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئېگىزلىكتىكى شەھەرلەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ. خولون، ياھاز، مېفائات، دىبون، نىبو ۋە بەيت-دىبلاتايىم، قىرياتائىم، بەيت-گامۇل، بەيت-مىئون، قىرىيوت ۋە بوزرا قاتارلىق شەھەرلەر مەيلى يېقىن ياكى يىراق بولسۇن، موئابنىڭ ھەممە شەھەرلىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ. موئابنىڭ ھەيۋىسى سۇنۇپ، كۈچ-قۇدرىتى تۈگەيدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. موئاب خەلقى تەكەببۇرلىشىپ مەندىن يۈز ئۆرۈدى، شۇڭا ئۇلار جازا شارابىمنى ئىچىپ، مەست بولسۇن! ئۇلار ئۆز قۇسۇقىغا مىلىنىپ يېتىپ، كىشىلەرنىڭ مەسخىرىسىگە قالسۇن. ئەي موئاب، سەن ئىسرائىللارنى مەسخىرە قىلدىڭ. سەن ئۇلارنى پەقەت ئوغرى دەپلا ئويلىدىڭمۇ؟ قاچانلا ئىسرائىللار توغرىسىدا گەپ قىلساڭ، بېشىڭنى چايقاپ، ئۇلارنى مەنسىتمىدىڭ. ئەي موئاب خەلقى، شەھەرلىرىڭلارنى تاشلاپ، تىك يارلارنىڭ ئارىسىغا بېرىپ ياشاڭلار. ئۆڭكۈر ئېغىزىغا ئۇۋا سالىدىغان كەپتەرلەردەك تۇرۇڭلار. موئابنىڭ ناھايىتى تەكەببۇرلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىدىم، ئۇلار بەك مەغرۇرلىشىپ كەتتى، ئۇلار ئىنتايىن تەكەببۇر، ھاكاۋۇر ۋە كىبىرلىكتۇر، ئۇلار ئۆزىنى قالتىس چاغلايدۇ. مەن، پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ مەغرۇرلۇقىنى بىلىمەن. ئۇلارنىڭ ماختىنىشى پۈتۈنلەي بىھۇدىدۇر، قىلغان ئىشلىرىنىڭ ئاساسى يوقتۇر. شۇ سەۋەبتىن مەن موئاب ئۈچۈن يىغلايمەن، پۈتۈن موئاب ئۈچۈن ياش تۆكۈپ يىغلايمەن، قىرخەرەس شەھىرىنىڭ خەلقى ئۈچۈن قايغۇرىمەن. يازېر شەھىرى سىبماھنىڭ ئۈزۈملىرى ئۈچۈن قايغۇرغانغا ئوخشاش، مەنمۇ سىبماھنىڭ ئۈزۈملىرى ئۈچۈن قايغۇرۇپ، ياش تۆكىمەن. سىبماھنىڭ ئۈزۈم تاللىرى بىر ۋاقىتلاردا ئۆلۈك دېڭىز ۋە يازېر شەھىرىگىچە يېتىپ بارغانىدى. ۋەيران قىلغۇچىلار يازلىق مېۋىلىرىڭلارنى ۋە ئۈزۈملىرىڭلارنى ۋەيران قىلىدۇ. شاد-خۇراملىق موئابنىڭ مۇنبەت زېمىنىدىن يوقىلىدۇ. مەن ئۈزۈم ئېزىش كۆلچىكىدىن ئېقىۋاتقان ئۈزۈم شەربىتىنى توختىتىمەن. ھېچكىم ئۇ يەردە ئۈزۈملىرىنى يانجىپ، خۇشاللىقىدىن ۋارقىرىمايدۇ. بۇ يەردە ۋارقىراشلار بولىدۇ، لېكىن بۇ خۇشاللىقتىن ئەمەستۇر. بۇ يىغا-زار خەشبوندىن تاكى ئەلئالى ۋە ياھازغىچە، زوئاردىن خورونايىم ۋە ئەگلات-شىلىشىياغىچە ئاڭلىنىدۇ. ھەتتا نىمرىمنىڭ ئېقىنلىرى قۇرۇپ كېتىدۇ. مەن موئابتا غەيرىي سەجدىگاھلاردا قۇربانلىق سۇنىدىغانلارنى ۋە ئۆزىنىڭ ئىلاھلىرىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىدىغانلارنى يوق قىلىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. شۇ سەۋەبتىن قەلبىم مىسكىن چېلىنغان نەيدەك موئاب ئۈچۈن قايغۇردى. قەلبىم قىرخەرەس خەلقى ئۈچۈن مەرسىيە نەغمىسى چالغان نەيدەك ھەسرەت چەكتى. ئۇلارنىڭ توپلىغان بايلىقلىرى يوقاپ كەتتى. كىشىلەر قايغۇ-ھەسرەتتىن چاچ-ساقاللىرىنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ. ئۇلار قوللىرىنى تىلىپ، ماتەملىك كىيىملىرىنى كىيىدۇ. موئاب زېمىنىدىكى ھەممە ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىلىرىدىن ۋە كوچىلاردىن ھازا ئاۋازلىرىدىن باشقا ئاۋاز ئاڭلانمايدۇ. چۈنكى مەن موئابنى ناچار ئىدىشنى چاققاندەك، چاقىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. موئاب پۈتۈنلەي ۋەيران بولىدۇ، ئۇنىڭ خەلقى ھۆڭرەپ يىغلايدۇ ۋە ئېغىر ئاھانەتكە قالىدۇ! موئاب قورقۇنچلۇق ھالىتى بىلەن ئەتراپىدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ مەسخىرىسىگە قالىدۇ.» پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «دۈشمەن خۇددى بۈركۈتتەك شىددەت بىلەن ئېتىلىپ كېلىپ، موئاب ئۈستىدە قاناتلىرىنى يايىدۇ. شەھەرلەر بېسىۋېلىنىپ، مۇستەھكەم قورغانلار ئىشغال قىلىنىدۇ. ئۇ كۈندە موئاب لەشكەرلىرى تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان ھامىلىدار ئايالدەك قىينىلىدۇ. موئاب ۋەيران قىلىنىپ، قايتىدىن بىر ئەل بولالمايدۇ. چۈنكى ئۇ تەكەببۇرلىشىپ، مەن پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈدى. ئى موئاب پۇقرالىرى، مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، ۋەھىمە، ئورەكلەر ۋە تۇزاقلار سىلەرنى كۈتمەكتە! ۋەھىمىدىن قېچىپ قۇتۇلماقچى بولغانلار ئورەكلەرگە چۈشەر، ئورەكلەردىن چىققانلار تۇزاققا چۈشەر. چۈنكى مېنىڭ موئاب خەلقىنى جازالايدىغان ۋاقتىم يېتىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. قاچقانلار خەشبون سېپىللىرىنىڭ سايىلىرىدا تۇرۇپ، ھالىدىن كېتىدۇ. پادىشاھ سىخوننىڭ قەدىمكى يۇرتى خەشبوندىن ئوت كۆتۈرۈلىدۇ. ئوت پۈتكۈل زېمىننى ئۇرۇشپەرەس خەلقى بىلەن قوشۇپ ۋەيران قىلىدۇ. ئەي موئاب خەلقى، ھالىڭلارغا ۋاي! كىموشقا چوقۇنىدىغان خەلق، سىلەر تۈگەشتىڭلار! ئوغۇللىرىڭلار تۇتقۇن قىلىنىپ، قىزلىرىڭلار سۈرگۈن قىلىنىدۇ. لېكىن مەن ۋاقتى كەلگەندە، موئابنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.» موئاب توغرىسىدا ئېيتىلغان ۋەھىي مۇشۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ ئاممون توغرىسىدا ئېيتقان ۋەھىيسىدۇر: «ئىسرائىل ئەۋلادلىرى يوقمۇ؟ ئۇلارنىڭ گاد زېمىنغا ۋارىسلىق قىلغۇدەك ئىزباسارلىرى يوقمۇ؟ نېمە ئۈچۈن بۇت ئىلاھ مولەك ۋە ئۇنىڭ چوقۇنغۇچىلىرى گاد زېمىنى ۋە ئۇنىڭ شەھەرلىرىنى ئىگىلىۋېلىپ، ئۇ يەرلەرگە ماكانلىشىۋالىدۇ؟ مەن پەرۋەردىگار شۇنى ئېيتىمەنكى، بىر ۋاقىت كېلىدۇ، ئۇ چاغدا ئاممونلارنىڭ پايتەختى رابباھ شەھىرى ئۆزىگە قارشى جەڭ چۇقانلىرىنى ئاڭلايدۇ، ئۇ شەھەر خارابە دۆۋىسىگە ئايلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار كۆيدۈرۈۋېتىلىدۇ، ئاندىن ئىسرائىللار ئۆزلىرىدىن تارتىۋېلىنغان زېمىننى قايتۇرۇۋالىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. ئەي خەشبونلۇقلار، نالە-پەرياد قىلىڭلار، چۈنكى ئاي شەھىرى ۋەيران قىلىندى. ئەي رابباھ خەلقى، يىغلاڭلار. ماتەملىك كىيىمىڭلارنى كىيىپ قايغۇرۇڭلار. سېپىللار ئارىسىدا ئۇ ياقتىن بۇ ياققا يۈگۈرۈڭلار، چۈنكى بۇت ئىلاھىڭلار مولەك روھانىيلىرى ۋە ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرگە سۈرگۈن قىلىنىدۇ. سىلەر مۇنبەت جىلغىلىرىڭلاردىن ماختىنىسىلەر. ئەي ساداقەتسىز خەلق، سىلەر ئۆز بايلىقىڭلارغا ئىشىنىپ، ‹كىم بىزگە ھۇجۇم قىلالايتتى؟› دەپ ئويلايسىلەر. مەن ئىگەڭلار _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، مەن تۆت ئەتراپىڭلاردىكى بارلىق خەلقلەردىن سىلەرگە ۋەھىمە كەلتۈرىمەن. سىلەر ھەر تەرەپكە تارقىتىۋېتىلىسىلەر، قاچقانلارنى يىغىدىغان ئادەم چىقمايدۇ. لېكىن كېيىن مەن ئامموننى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.» بۇ، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئىدوم توغرىسىدا ئېيتقان ۋەھىيسىدۇر. «تېمان شەھىرىدە ئەقىل-پاراسەت قالمىدىمۇ؟ ئۇنىڭ دانالىرى ياخشى نەسىھەت بېرەلمەمدۇ؟ ئەجەبا، ئۇلاردا ئەقىل-پاراسەت غايىب بولدىمۇ؟ ئەي دىدان شەھىرىدە ماكانلاشقانلار، ئارقاڭلارغا بۇرۇلۇپ قېچىڭلار، چوڭقۇر ئۆڭكۈرلەرگە يوشۇرۇنۇڭلار. چۈنكى مەن ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىغا بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىمەن. مەن ئۇلارنى جازالايدىغان ۋاقىتنى بەلگىلەپ بولدۇم. ئادەملەر ئۈزۈملىرىدىن ھوسۇل ئالغىلى كەلسە، ئازراق ئۈزۈملەرنى قالدۇرۇپ قويمامدۇ؟ كېچىدە ئۆيگە چۈشكەن ئوغرى پەقەت ئۆزى خالىغان نەرسىسىنى ئالىدىغۇ؟ لېكىن مەن ئەساۋ ئەۋلادلىرىدىن ھەممە نەرسىنى ئېلىپ كېتىمەن. مەن ئۇلارنىڭ يوشۇرۇنغان جايلىرىنى ئېچىپ تاشلايمەن، ئاندىن ئۇلار يوشۇرۇنۇۋالالمايدۇ. ئۇلارنىڭ بالىلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە قوشنىلىرى ھالاك بولىدۇ، ھېچكىم ھايات قالمايدۇ! يېتىم بالىلىرىڭلارنى ماڭا تاپشۇرۇڭلار، ئۇلارنى ئۆزۈم باقىمەن. تۇل ئاياللىرىڭلارمۇ ماڭا ئىشەنسۇن.» پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر قەدەھتىكى جازا شارابىنى ئىچىشكە تېگىشلىك بولمىغان كىشىلەر ئۇنى ئىچكەن يەردە، سەن قانداقمۇ جازالانماي تۇرالايسەن؟ سەن جازاسىز قالمايسەن. چوقۇم جازا شارابىنى ئىچىسەن. مەن پەرۋەردىگار قەسەم قىلىمەنكى، بوزرا شەھىرى خارابە دۆۋىسىگە ئايلىنىپ، قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. كىشىلەر سىلەرنى مەسخىرە قىلىپ، نامىڭلارنى قارغاشقا ئىشلىتىدۇ. بوزرا ئەتراپىدىكى بارلىق شەھەر-يېزىلار مەڭگۈ ۋەيرانچىلىقتا ياتىدۇ.» مەن يەرەمىيا دېدىم: «پەرۋەردىگاردىن بىر ۋەھىي كەلدى. ئۇنى جاكارلاشقا ئەۋەتىلگەن ئەلچى، ئەللەر ئارىسىدا: ‹ئۇرۇشقا قوشۇنلىرىڭلارنى يىغىڭلار! ئىدومغا قارشى جەڭگە ئاتلىنىشقا تەييارلىق قىلىڭلار!› دەيدۇ». پەرۋەردىگار ئىدومغا مۇنداق دېدى: «مەن سېنى ھېچكىم كۆزگە ئىلمايدىغان ناھايىتى ئاجىز بىر ئەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىمەن. سەن باشقا ئادەملەرنى قورقۇتقانىدىڭ، بۇ تەكەببۇرلۇقۇڭ سېنى ئالدىدى. سەن تاغ چوققىسىدىكى تىك قىيادا تۇرۇپ، ئۇۋاڭنى بۈركۈتكە ئوخشاش ئېگىزگە ياسىساڭمۇ، مەن سېنى ئۇ يەردىن تارتىپ چۈشۈرىمەن. ئىدوم قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشىدۇ، ئۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالىدۇ ۋە ئۇنىڭ ۋەيرانە ھالىتىنى مەسخىرە قىلىشىدۇ. مەن پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، ئىدوم خۇددى سودوم، گومورا ۋە ئەتراپىدىكى يېزا-قىشلاقلارغا ئوخشاش ۋەيران قىلىنىدۇ. ھېچكىم ئۇ يەردە ياشىمايدۇ. ھېچقانداق ئىنسان ئۇ يەرگە ماكانلاشمايدۇ. ئىئوردان دەرياسى بويىدىكى چاتقاللىقلاردىن تۇيۇقسىز چىقىپ، ئوتلاقتىكى قويلارنى قوغلىغان شىرغا ئوخشاش، ئىدوملۇقلارنى زېمىنىدىن تۇيۇقسىز قوغلاپ چىقىرىمەن. ئۆزۈم تاللىغان بىر ئادەمنى ئۇ خەلققە ھۆكۈمران قىلىپ تەيىنلەيمەن. ماڭا ئوخشايدىغان كىم بار؟ كىم مەن بىلەن بەسلىشەلىسۇن؟ قايسى يېتەكچى ماڭا قارشى تۇرالىسۇن؟ شۇنىڭ ئۈچۈن مەن پەرۋەردىگار ئىدومغا قارشى نېمە قىلماقچى بولغانلىقىمنى ئاڭلاڭلار. تېمان شەھىرىدە ياشايدىغان كىشىلەرگە نېمە ئىش قىلماقچى بولغانلىقىمغا قۇلاق سېلىڭلار. ھەتتا ئۇلارنىڭ كىچىك بالىلىرىمۇ ئېلىپ كېتىلىدۇ، بۇ ئەلنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ۋەيران قىلىمەن. ئىدوم گۈلدۈرلەپ يىقىلغاندا دۇنيا لەرزىگە كېلىدۇ. ئۇنىڭ ھۆڭرەپ يىغلىغان ئاۋازلىرى قىزىل دېڭىزغىچە يېتىپ بارىدۇ. قاراپ تۇرۇڭلار، دۈشمەن بۈركۈتتەك شۇڭغۇپ چۈشۈپ، قاناتلىرىنى بوزرا شەھىرىنىڭ ئۈستىگە يايىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئىدوم لەشكەرلىرى تۇغۇت ئۈستىدىكى ئايالدەك قىينىلىدۇ.» بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ دەمەشق توغرىسىدا ئېيتقان ۋەھىيسىدۇر: «خامات ۋە ئارپاد شەھەرلىرى شۇم خەۋەرنى ئاڭلىغانلىقتىن چۆچۈپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبى ئۆرلىگەن دېڭىز دولقۇنلىرىدەك تىنچلىنالمايدۇ، قورقۇنچقا تولىدۇ. دەمەشق شەھىرى ئاجىزلاپ، ئۇنىڭ خەلقى قېچىپ كەتمەكچى بولىدۇ. ئۇلار ئالاقزادە بولۇپ، خۇددى تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان ئايالدەك ئاغرىق ۋە ئازاب ھېس قىلىدۇ! ئىلگىرى شاد-خۇراملىققا تولغان مەشھۇر شەھەر تاشلىنىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ يىگىتلىرى كوچىلاردا يىقىلىپ چۈشىدۇ، ئۇ كۈندە ئۇلارنىڭ بارلىق لەشكەرلىرى ھالاك بولىدۇ. بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. مەن دەمەشق سېپىللىرىغا ئوت قويۇپ، بەنھادادنىڭ ئوردىلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايمەن.» بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان قېدار خەلقى ۋە خازور زېمىنلىرى توغرىسىدا ئېيتقان ۋەھىيسىدۇر. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي بابىل قوشۇنلىرى، بېرىپ، قېدارلارغا ھۇجۇم قىلىڭلار، شەرقىي قۇملۇقتا ياشاۋاتقان بۇ ئەلنى يوقىتىڭلار. ئۇلارنىڭ چېدىرلىرى ۋە چارۋىلىرىنى تارتىۋېلىڭلار، ئۇلارنىڭ تۆگىلىرىنى، چېدىرلىرى ئىچىدىكى پەردىلەرنى ۋە سايمان-جابدۇقلىرىنى ئېلىپ كېتىڭلار. كىشىلەر ئۇلارغا ۋارقىراپ: ‹ھەممە يەر ۋەھىمىدە قالدى!› دەيدۇ. ئەي خازوردا ياشاۋاتقانلار، سىلەرگە ئېيتاي: ‹دەرھال قېچىڭلار! چوڭقۇر يوشۇرۇنۇڭلار! بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر سىلەرگە قارشى پىلان تۈزدى، ئۇ سىلەرگە ھۇجۇم قىلماقچى.›» پەرۋەردىگار بابىلغا مۇنداق دېدى: «ئەي بابىل قوشۇنلىرى، سىلەر بېرىپ، تىنچ ۋە بىخەتەر ياشاۋاتقان ئەلگە ھۇجۇم قىلىڭلار. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى قوغدايدىغان بالداقلىق دەرۋازىلىرى يوقتۇر ھەم يەككە-يېگانەدۇر. ئۇلارنىڭ تۆگىلىرى ۋە بارلىق چارۋا ماللىرىنى تارتىۋېلىڭلار! مەن چەت-ياقا جايلاردا ياشاۋاتقان بۇ ئەللەرنى تەرەپ-تەرەپكە چېچىۋېتىمەن ھەمدە ئۇلارغا ھەممە تەرەپتىن بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىمەن. خازور زېمىنلىرى چىلبۆرىلەرنىڭ ماكانى بولىدۇ، چۆل-باياۋانغا ئايلىنىدۇ. ئۇ زېمىنلاردا ئادەم ياشىمايدۇ، ھېچكىم ئۇ يەرلەردە ماكانلاشمايدۇ.» زىدقىيا پادىشاھ يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان دەسلەپكى مەزگىللەردە، پەرۋەردىگاردىن يەرەمىيا پەيغەمبەرگە ئېلام توغرىسىدا ۋەھىي كەلدى. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: «مەن ئېلامنىڭ ئوقياچىلىرىنى ھالاك قىلىمەن، ئۇلار ئېلامنىڭ ئاساسلىق كۈچ-قۇدرىتىنىڭ مەنبەسىدۇر. مەن ئېلامنى تۆت تەرەپتىن بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىتىپ، ئۇ ئەلنى ھەرقايسى جايلارغا تارقىتىۋېتىمەن. ئېلام مۇساپىرلىرىنىڭ بارمىغان يەرلىرى قالمايدۇ. مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەنكى، مەن ئېلاملىقلارنى ئۇلارنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمەنلىرىنىڭ ۋەھىمىسىگە ئۇچرىتىمەن، ئۇلارغا قەھر-غەزىپىم بىلەن بالايىئاپەت چۈشۈرىمەن، مەن تاكى ئۇلارنى ھالاك قىلغۇچە، قىلىچ بىلەن قوغلايمەن. مەن ئېلامدا تەختىمنى قۇرۇپ، ئۇنىڭ پادىشاھى ۋە ئەمەلدارلىرىنى ۋەيران قىلىمەن. لېكىن كەلگۈسىدە مەن ئېلامنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!» پەرۋەردىگاردىن يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق بابىل شەھىرى ۋە بابىللىقلار زېمىنى توغرىسىدا مۇنداق ۋەھىي كەلدى: «بارلىق ئەللەرگە جاكارلاڭلار، ئۇقتۇرۇڭلار، تۇغ كۆتۈرۈپ ئېلان قىلىڭلار. ھېچنېمىنى يوشۇرماي مۇنداق دەپ ئېيتىڭلار: ‹بابىل ئىشغال قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىلاھى ماردۇق نومۇستا قالدۇرۇلىدۇ ۋە ۋەھىمىگە چۈشىدۇ. بابىلنىڭ بۇتلىرى نومۇستا قېلىپ، ۋەھىمىگە چۈشىدۇ.› شىمالدىن كەلگەن بىر ئەل بابىلغا ھۇجۇم قىلىپ، بابىل زېمىنىنى خارابىلىككە ئايلاندۇرىدۇ. ئادەم ۋە ھايۋانلار قېچىپ كېتىدۇ، بۇ يەردە ھېچكىم قالمايدۇ.» پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئاشۇ ۋاقىت كەلگەندە ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقى ئۆز زېمىنىغا قايتىپ كېلىدۇ. ئۇلار كۆز يېشى قىلىشىپ، ئۆزلىرىنى تاللىغان مەن پەرۋەردىگار خۇدانى ئىزدەيدۇ. ئۇلار سىئون تېغىغا بارىدىغان يولنى سوراپ، شۇ يەرگە قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ. ئۇلار مەن پەرۋەردىگارغا باغلىنىپ، مەن بىلەن مەڭگۈ ئېسىدىن چىقمايدىغان بىر ئەھدە تۈزىدۇ. خەلقىم يۈتۈپ كەتكەن قويلارغا ئوخشاپ قالدى، ئۇلارنى سەركىلىرى يولۇمدىن ئازدۇردى. ئۇلار تاغلاردا ئايلىنىپ يۈرىدۇ، تاغدىن تاغقا بېرىپ، چۆرگۈلەپ يۈرىدۇ، ئۇلار ئۆز ماكانىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇغان. ئۇلار بىلەن ئۇچراشقانلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدى، ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرى: ‹بىز ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ گۇناھ قىلمىدۇق. ئۇلار پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ھەقىقىي يايلىقىدۇر، ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلىغانىدى.› دەيدۇ. ئەي خەلقىم، بابىلدىن قېچىپ چىقىڭلار! خۇددى پادىلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان سەركىلەرگە ئوخشاش بابىل زېمىنىدىن باشتا چىقىڭلار. چۈنكى مەن شىمالدىكى چوڭ ئەللەردىن بىر قوشۇننى قوزغاپ، ئەكېلىمەن. ئۇلار بابىلغا قارشى سەپ تۈزۈپ، بابىلنى شىمال تەرەپتىن ئىشغال قىلىدۇ. ئۇلار يا ئوقلىرىنى زايە قىلمايدىغان ماھىر جەڭچىلەردۇر. بابىل بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ. ئولجا ئالغۇچىلار خالىغان نەرسىلىرىنىڭ بىرىنىمۇ قويماي ئېلىپ كېتىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر! ئەي بابىل خەلقى، سىلەر خەلقىمنى بۇلاپ، ناھايىتى خۇشال بولۇپ، شادلاندىڭلار. سىلەر خۇشاللىقىڭلاردىن يايلاقلاردىكى موزايلاردەك سەكرەپ، ئاتتەك كىشنىدىڭلار. لېكىن سىلەرنىڭ ئاناڭلار قاتتىق ئاھانەتكە ئۇچرايدۇ. سىلەر تۇغۇلغان بۇ زېمىن نومۇسقا قالىدۇ. بابىل بارلىق ئەللەر ئىچىدە ئەڭ ئەرزىمەس بىر جايغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇ قۇرۇپ چۆل-باياۋانغا ئايلىنىدۇ. مەن ئۇنىڭغا غەزىپىمنى ياغدۇرغاندىن كېيىن، بابىل ھېچكىم ياشىمايدىغان قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ. ئۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالىدۇ ۋە بابىلنىڭ ۋەيرانە ھالىتىنى مەسخىرە قىلىشىدۇ. ئەي بارلىق ئوقياچىلار، بابىلنى قورشاۋغا ئېلىڭلار، ئوقيالىرىڭلارنى ئۇلارغا بەتلەپ، بىر تال ئوقۇڭلارنىمۇ ئاياپ قالماڭلار. چۈنكى ئۇ مەن پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ قىلغان. ھەر تەرەپتىن شەھەرگە قارشى جەڭگە چاقىرىڭلار. ئۇ تەسلىم بولىدۇ. ئۇنىڭ مۇنارلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، سېپىللىرى ۋەيران قىلىنىدۇ. چۈنكى مەن پەرۋەردىگار قىساس ئېلىۋاتىمەن، شۇڭا سىلەر ئۇنىڭدىن قىساس ئېلىڭلار! ئۇ باشقىلارغا قانداق قىلغان بولسا، سىلەرمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىڭلار! بابىلدا تېرىقچىلىق قىلىنمىسۇن، ھوسۇلمۇ يىغىلمىسۇن. زۇلۇم سالغۇچىلارنىڭ قىلىچىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بابىلغا يەرلىك بولمىغان كىشىلەر ئۆز ئېلىگە قېچىپ كەتسۇن، ئۇلار ئۆز يۇرتىغا قايتسۇن. ئىسرائىل خەلقى خۇددى شىرلار قوغلاپ يۈرگەن قويلارغا ئوخشايدۇ. دەسلەپتە ئاسسۇرىيە پادىشاھى ئۇلارنى يۇتۇۋەتتى. ھازىر، يەنى ئەڭ ئاخىرىدا بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ئۇلارنىڭ سۆڭەكلىرىنى غاجىدى. شۇڭا مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيمەنكى، مەن ئاسسۇرىيە پادىشاھىنى جازالىغاندەك، بابىل پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ زېمىنىنى جازالايمەن. مەن ئىسرائىل خەلقىنى ئۇلارنىڭ ئوتلاقلىرىغا ئېلىپ كېلىمەن. ئۇلار كارمەل تېغى ۋە باشاننىڭ يايلاقلىرىدا ئوتلايدۇ، ئەفرايىم ۋە گىلئادنىڭ ئېدىرلىقلىرىدا تاكى تويغۇچە يەيدۇ. ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، ئادەملەر ئىسرائىلىيەدە گۇناھ ئىزدىسە، گۇناھ تېپىلمايدۇ، يەھۇدىيەدىمۇ ھېچقانداق گۇناھ تېپىلمايدۇ. چۈنكى مەن ئۇ يەردە ھايات قالدۇرغانلارنى كەچۈرىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.» پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئى بابىلنىڭ دۈشمەنلىرى، مىراتايىم زېمىنىغا ۋە پىقودتا ياشاۋاتقانلارغا ھۇجۇم قىلىڭلار! ئۇلارنى قوغلاپ يۈرۈپ ئۆلتۈرۈڭلار ۋە ئۇلارنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلىپ، مېنىڭ ئەمرىمنى بەجا كەلتۈرۈڭلار! جەڭ ئاۋازلىرى بابىل زېمىنىدا ئاڭلىنىپ، چوڭ بۇزغۇنچىلىق بولىدۇ. پۈتۈن دۇنيانى بازغاندەك ۋەيران قىلغان بابىلنىڭ قانداق ۋەيران بولىدىغانلىقىنى ئەمدى كۆرۈڭلار! بابىل ئەللەر ئارىسىدا قورقۇنچلۇق بىر ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. ئى بابىل، مەن ساڭا بىر تۇزاق قۇردۇم، سەن بىلمەستىن بۇ تۇزاققا چۈشىسەن. سەن مەن پەرۋەردىگارغا قارشى تۇرغانلىقىڭ ئۈچۈن، تۇتقۇن قىلىندىڭ. قورال ئامبىرىمنى ئېچىپ، غەزىپىمنى ياغدۇرىدىغان قوراللارنى ئېلىپ چىقتىم. چۈنكى مەن ئىگەڭلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بابىل زېمىنىدا بىر ئىش قىلىشىم كېرەك. يىراق ئەللەردىن كېلىپ، بابىلغا ھۇجۇم قىلىڭلار. ئۇنىڭ ئاشلىق ئامبارلىرىنى ئېچىڭلار! بابىلنى خارابە دۆۋىسىگە ئايلاندۇرۇپ، پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىڭلار! ھېچكىمنى ھايات قالدۇرماڭلار! ئۇنىڭ بارلىق لەشكەرلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، قىرىۋېتىڭلار! ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي، ئۇلارنىڭ يامان كۈنى كەلدى، يەنى ئۇلارنىڭ جازالىنىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى.» ئاڭلاڭلار! قاچقۇنلار ۋە مۇساپىرلار بابىلدىن سىئونغا كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ بابىلدىن ئالغان قىساسى توغرىسىدا سۆزلەيدۇ. بابىللىقلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ۋەيران قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلاردىن قىساس ئالىدۇ. «ئوقياچىلارنى چاقىرىڭلار! بابىلغا ھۇجۇم قىلىڭلار! ئوقيا تۇتۇپ ئوق ئاتالايدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى كەلسۇن. بۇ شەھەرنى قورشىۋېلىپ، ھېچكىمنى قاچۇرۇپ قويماڭلار. بابىللىقلارنىڭ قىلغان رەزىللىكلىرىنى ئۆزىگە ياندۇرۇڭلار، ئۇلارنىڭ باشقىلارغا قىلغانلىرىنى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇڭلار. ئۇلار تەكەببۇرلۇق قىلىپ، مەن پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغا قارشىلىق كۆرسەتتى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ياش يىگىتلىرى شەھەر كوچىلىرىدا يىقىلىپ چۈشىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ بارلىق لەشكەرلىرى ھالاك بولىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. ئەي ھاكاۋۇر بابىل خەلقى، قۇلاق سېلىڭلار! مەن ئىگەڭلار _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىلەرگە قارشى تۇرىمەن. يامان كۈنۈڭلار كەلدى، يەنى سىلەرنىڭ جازالىنىدىغان ۋاقتىڭلار يېتىپ كەلدى. ئەي ھاكاۋۇر بابىل خەلقى، سىلەر پۇتلىشىپ، يىقىلىسىلەر. سىلەرنى ھېچكىم يۆلەپ تۇرغۇزۇپ قويمايدۇ. مەن شەھەرلىرىڭلارغا ئوت قويۇپ، ئەتراپىڭلاردىكى ھەممە نەرسىلەرنى كۆيدۈرۈۋېتىمەن.» قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەنىڭ خەلقلىرى زۇلۇمدا قالدى. ئۇلارنى تۇتقۇن قىلغانلار ئۇلارنى قويۇۋېتىشنى رەت قىلدى. لېكىن ئۇلارنى كۈچلۈك بىرى قوغدايدۇ، ئۇنىڭ نامى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردۇر. ئۇ چوقۇم ئۇلارنى قوغدايدۇ. ئۇ ئۇلارنىڭ زېمىنىغا تىنچ-ئامانلىق، بابىلنىڭ ئاھالىلىرىگە زۇلۇم ئېلىپ كېلىدۇ. مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، بابىلغا قارشى بىر قىلىچ كېلىدۇ! ئۇنىڭ ئاھالىلىرى، ئەمەلدارلىرى ۋە دانىشمەنلىرى ھالاك بولىدۇ! بابىلنىڭ ساختا پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئەخمەقلىكى ھالاكەت ئالدىدا ئىسپاتلىنىدۇ. ھالاكەت ئالدىدا بابىلنىڭ جەڭچىلىرىنى ۋەھىمە باسىدۇ. بابىلنىڭ ئاتلىرى، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە بارلىق ياللانما جەڭچىلىرىگە ھالاكەت قىلىچى ئۇرۇلىدۇ. ئۇلار قورقۇپ كەتكەن ئاياللارغا ئوخشاپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ خەزىنىلىرى قىلىچ بىلەن تالان-تاراج قىلىنىدۇ. بابىلنىڭ دەريالىرى ۋە قاناللىرىنىڭ سۇلىرى تارتىلىپ كېتىدۇ! ئۇلارنىڭ سۇلىرى قۇرۇپ كېتىدۇ. بابىل زېمىنى بۇتلارغا تولۇپ كەتكەندۇر، ئۇنىڭ خەلقى بۇلارغا چوقۇنۇپ ئەقلىدىن ئازىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ياۋايى ھايۋانلار ۋە چىلبۆرىلەر ئۇ يەردە ياشايدۇ. ھۇۋقۇشلار ئۇ يەردە ماكان تۇتىدۇ. لېكىن ھېچكىم قايتا ئۇ يەردە ياشىمايدۇ. ئۇ يەردە مەڭگۈ ئادەمزات تۇرمايدۇ. مەن سودوم، گومورا ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-قىشلاقلارنى ۋەيران قىلغاندەك، بابىلنى ۋەيران قىلىمەن. ھېچكىم ئۇ يەردە ياشىمايدۇ. ھېچقانداق ئىنسان ئۇ يەرگە ماكانلاشمايدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. قاراڭلار! شىمالدىن بىر كۈچلۈك قوشۇن كېلىۋاتىدۇ! ئەڭ يىراق زېمىندىكى بىر چوڭ ئەل كۆپ پادىشاھلار بىلەن بىرلىكتە سىلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرى ئوقيا ۋە نەيزىلەر بىلەن قوراللانغاندۇر. ئۇلار ناھايىتى ۋەھشىي بولۇپ، ئۇلاردا مېھىر- شەپقەت يوقتۇر. ئۇلار ئۇچقۇر ئاتلارغا مىنىپ يۈرۈش قىلغاندا، خۇددى دېڭىزنىڭ شاۋقۇنلىرىدەك ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ. ئۇلار سەپ تۈزۈشۈپ، سىلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ، ئەي بابىل شەھىرى. بابىل پادىشاھى ئۇلار توغرۇلۇق خەۋەر ئاڭلىغاندا، قوللىرىدا مادار قالمايدۇ. ئازابتىن ئۇ تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان ئايالدەك قىينىلىدۇ. ئىئوردان دەرياسى بويىدىكى چاتقاللىقلاردىن تۇيۇقسىز چىقىپ، ئوتلاقتىكى قويلارنى قوغلىغان شىرغا ئوخشاش، بابىل خەلقىنى زېمىنىدىن تۇيۇقسىز قوغلاپ چىقىرىمەن. ئۆزۈم تاللىغان بىر ئادەمنى ئۇ خەلققە ھۆكۈمران قىلىپ تەيىنلەيمەن. ماڭا ئوخشايدىغان كىم بار؟ كىم مەن بىلەن بەسلىشەلىسۇن؟ قايسى يېتەكچى ماڭا قارشى تۇرالىسۇن؟ شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن پەرۋەردىگارنىڭ بابىلغا قارشى نېمە قىلماقچى بولغانلىقىمنى ئاڭلاڭلار. بابىللىقلارنىڭ زېمىنىدا ياشايدىغان كىشىلەرگە نېمە ئىش قىلماقچى بولغانلىقىمغا قۇلاق سېلىڭلار. ھەتتا ئۇلارنىڭ كىچىك بالىلىرىمۇ ئېلىپ كېتىلىدۇ. بۇ ئەلنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ۋەيران قىلىمەن. بابىل گۈلدۈرلەپ يىقىلغاندا دۇنيا لەرزىگە كېلىدۇ. ئۇنىڭ ھۆڭرەپ يىغلىغان ئاۋازلىرى بارلىق ئەللەرگە ئاڭلىنىدۇ.» پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن بابىلغا ۋە ئۇنىڭ زېمىنىدا ياشاۋاتقان كىشىلەرگە قارشى ۋەيرانچىلىق شامىلىنى قوزغايمەن. مەن بابىلنى خۇددى بۇغداي سورۇغاندەك سورۇپ ۋەيران قىلىشقا ياللانما لەشكەرلەرنى ئەۋەتىمەن. ھالاكەت كۈنى يېتىپ كەلگەندە، ئۇلار ھەر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىدۇ. بابىل ئوقياچىلىرىنىڭ ساۋۇتلىرىنى كىيگىلى، ئوقيالىرىنى ئاتقىلى قويماڭلار. ئۇنىڭ قىران يىگىتلىرىنىمۇ ھايات قالدۇرماڭلار! ئۇنىڭ پۈتۈن قوشۇنلىرىنى تەلتۆكۈس ۋەيران قىلىڭلار. بابىل لەشكەرلىرى ئېغىر يارىلىنىپ كوچىلاردا يىقىلىدۇ، ئۇلار ئۆز زېمىنىدا ئۆلىدۇ. چۈنكى بابىلنىڭ زېمىنى ماڭا، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغا قارشى سادىر قىلىنغان گۇناھلار بىلەن تولدى. مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەدىن ۋاز كەچمەيمەن. ئەي بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغانلار، بابىلدىن قېچىپ چىقىپ، جېنىڭلارنى قۇتقۇزۇڭلار! ئۇنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن تۈگەشمەڭلار. چۈنكى ئۇلاردىن قىساس ئالىدىغان ۋاقىت كەلدى، مەن ئەمدى بابىلنىڭ قىلمىشلىرىغا يارىشا تېگىشلىك جازاسىنى بېرىمەن. بابىل خۇددى قولۇمدىكى ئالتۇن قەدەھكە ئوخشاش پۈتكۈل دۇنيانى مەست قىلىدىغان غەزىپىم بىلەن تولدى. ئەللەر بابىلنىڭ شارابىنى ئىچىپ، ئەقلىدىن ئازدى. لېكىن بابىل تۇيۇقسىز ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ ۋەيران بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن ياش تۆكۈڭلار! ئۇنىڭ يارىلىرىغا مەلھەم سۈرۈڭلار، بەلكىم ئۇ شىپالىق تاپار. بابىلدا ياشايدىغان مۇساپىرلار مۇنداق دەيدۇ: ‹بىز بابىلنى داۋالىغان بولاتتۇق، بىراق ئۇ ساقايمايدۇ. شۇڭا ئۇنى تاشلاپ، ھەممىمىز ئۆز ئېلىمىزگە كېتەيلى. بابىلنىڭ جازاسى ئاسماندەك ئېگىز دۆۋىلەنگەن بولۇپ، بۇلۇتلارغا تاقىشىدۇ.› يەھۇدىيەدىن سۈرگۈن قىلىنغانلار مۇنداق دەيدۇ: ‹پەرۋەردىگار ئادالىتىنى كۆرسىتىپ، بىزگە زور غەلىبە ئېلىپ كەلدى! كېلىڭلار، بېرىپ پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ قىلغانلىرىنى سىئوندا جاكارلايلى!›» مەن يەرەمىيا مۇنداق دېدىم: «يايىڭلارنىڭ ئوقىنى ئۇچلاڭلار! قالقانلىرىڭلارنى ئېلىڭلار! پەرۋەردىگار مىدىيالىقلارنىڭ پادىشاھلىرىنى قوزغاپ، ئۇلار ئارقىلىق بابىلنى گۇمران قىلماقچى. ئۇ ۋەيران قىلىنغان ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن قىساس ئالىدۇ. بابىل سېپىلىغا ھۇجۇم قىلىشقا تۇغ چىقىرىڭلار! كۆپلىگەن كۆزەتچىلەرنى ئېلىپ كېلىپ، شەھەر ئەتراپىغا تۇرغۇزۇڭلار! بۆكتۈرمە قۇرۇپ تەييارلىنىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئۇ بابىل خەلقىگە قىلماقچى بولغانلىرىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئەي بابىل، سەن نۇرغۇن دەريالارنىڭ بويىدا مول بايلىقلار ئىچىدە ياشىغانىدىڭ. ئەمدى سەن تۈگەشتىڭ، ھاياتىڭنىڭ يىپى ئۈزۈلدى! قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار قەسەم قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن جەزمەن زېمىنىڭلارنى دۈشمەن لەشكەرلىرى بىلەن تولدۇرىمەن. ئۇلار چېكەتكىلەردەك زېمىنىڭلارنىڭ ئۈستىگە ئولىشىپ، غەلىبە تەنتەنىلىرىنى ياڭرىتىدۇ.›» پەرۋەردىگار ئۆز قۇدرىتى بىلەن زېمىننى ياراتقاندۇر. ئۇ ئۆز دانالىقى بىلەن دۇنيانى بەرپا قىلغاندۇر، شۇنداقلا ئۆز ئەقلى بىلەن ئاسماننى يايغۇچىدۇر. ئۇ سۆزلىسە، ئاسمان گۈلدۈرلەپ يامغۇر ياغىدۇ. ئۇ زېمىننىڭ چېتىدىن بۇلۇتلارنى يۇقىرى ئۆرلىتىدۇ. ئۇ يامغۇر بىلەن چاقماقنى ئەۋەتىدۇ، ئامبىرىدىن شامالنى قويۇپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئالدىدا بارلىق ئىنسانلار ئەخمەق ۋە بىلىمسىزدۇر! بارلىق ھۈنەرۋەنلەر ئۆزلىرىنىڭ ياسىغان بۇتلىرى ئۈچۈن نومۇسقا قالىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ياسىغان بۇتلىرى بىر ئالدامچىلىقتۇر، بۇ بۇتلارنىڭ تىنىقى يوقتۇر. بۇ بۇتلار ئەرزىمەستۇر، ئۇلار مەسخىرىگە لايىقتۇر. ئۇلارنىڭ ۋەيران بولىدىغان ۋاقىت-سائىتى باردۇر. بىراق بىزنىڭ ئەجدادىمىز ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدا بۇ بۇتلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياراتقۇچىدۇر. بىز ئىسرائىل خەلقى ئۇنىڭغا مەنسۇپتۇرمىز. ئۇنىڭ نامى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردۇر. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي بابىل، سەن مېنىڭ كالتىكىم، ئۇرۇش قورالىمدۇرسەن. سەن ئارقىلىق ئەللەرنى كۇكۇم-تالقان قىلدىم، پادىشاھلىقلارنى تارمار قىلدىم. مەن سەن ئارقىلىق ئاتلار ۋە چەۋەندازلارنى يوقاتتىم، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ھارۋىلىق لەشكەرلىرىنى كۇكۇم-تالقان قىلدىم. سەن ئارقىلىق ئەر-ئاياللارنى تارمار قىلدىم، قېرىلارنى، ياشلارنى تارمار قىلدىم، ئوغۇل-قىزلارنى تارمار قىلدىم، مەن سەن ئارقىلىق پادىچىلارنى قوي پادىلىرى بىلەن بىرگە تارمار قىلدىم، دېھقانلارنى ئۆكۈزى بىلەن بىرگە تارمار قىلدىم، ۋالىيلار ۋە ئەمەلدارلارنى تارمار قىلدىم. مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، بابىل ۋە ئۇنىڭدا ياشاۋاتقان بارلىق كىشىلەرنىڭ سىئوندىكى زىيانكەشلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى خەلقىمنىڭ كۆز ئالدىدا جازالايمەن. ئەي بابىل، سەن تاغدەك بولۇپ، دۇنيانى ھالاك قىلدىڭ. مەن ئەمدى ساڭا قارشى تۇرىمەن. مەن قۇدرەتلىك قولۇمنى ساڭا قارشى سوزۇپ، سېنى تىك ياردىن ئىتتىرىۋېتىمەن. سېنى كۆيۈپ كەتكەن تاغدەك قىلىپ قويىمەن. كىشىلەر سەندىن ئۇل تېشى قىلغۇدەك بىرەر تاشمۇ تاپالمايدۇ. سەن مەڭگۈ خارابىلىك بولۇپ قالىسەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.» دۇنيادا جەڭ تۇغلىرى كۆتۈرۈلسۇن! بۇرغا چېلىنىپ، ئەللەر جەڭگە چاقىرىلسۇن. ئۇلار بابىلغا قارشى جەڭگە تەييارلانسۇن. ئارارات، مىننى ۋە ئاشكىنازنىڭ پادىشاھلىقلىرى جەڭگە چاقىرىلسۇن. يېتەكلەيدىغان سەردار تەيىنلەنسۇن. بابىلغا قارشى توپ-توپ چېكەتكىلەردەك ئاتلار ئەۋەتىلسۇن. خەلقلەر ئۇنىڭغا قارشى جەڭگە تەييارلانسۇن. مىدىيالىقلارنىڭ پادىشاھلىرى ۋالىيلىرى ۋە ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرگە جەڭگە تەييارلانسۇن. ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى پۈتكۈل ئەللەر ئۇنىڭغا قارشى جەڭگە تەييارلانسۇن. دۇنيا ئازاب-ئوقۇبەتتىن تىترەپ تولغىنىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار بابىلغا قارشى ئۆز مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ، ئۇ بابىل زېمىنىنى ھېچكىم ياشىمايدىغان قاقاسلىققا ئايلاندۇرىدۇ. بابىل لەشكەرلىرى جەڭ قىلىشتىن توختايدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قورغانلىرىدا قالىدۇ، جەڭ قىلىش مادارىنى يوقىتىدۇ. ئۇلار قورقۇپ كەتكەن ئاياللارغا ئوخشاپ ئاجىز بولۇپ قالىدۇ. بابىلدىكى ئۆيلەرگە ئوت قويۇلۇپ، دەرۋازىلىرى بۇزۇلىدۇ. خەۋەرچىلەر كەينى-كەينىدىن يۈگۈرۈپ كېلىپ، بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا بارىدۇ، ئۇنىڭغا بابىل شەھىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئىشغال قىلىنغانلىقىنى يەتكۈزىدۇ. دەريانىڭ كېچىكلىرىنى بېسىۋالىدۇ. دۈشمەنلەر ئۇنىڭ قومۇشلۇقلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ، بابىلنىڭ لەشكەرلىرى ۋەھىمىگە چۈشىدۇ. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇزۇن ئۆتمەي بابىلدا ھوسۇل يىغىش باشلىنىدۇ، بابىل خەلقى خامانغا ئوخشاش دەسسەپ يانجىلىدۇ.» بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر بىزنى قاقتى-سوقتى قىلىپ، يالماپ يۇتقانىدى. ئۇ شەھىرىمىزنى بۇلاپ، قۇرۇق ئىدىشتەك قىلىپ قويغانىدى. ئۇ خۇددى غايەت چوڭ بىر مەخلۇقتەك بىزنى يۇتۇپ، قورسىقىنى ئەڭ ئېسىل نەرسىلىرىمىز بىلەن تولدۇردى. ئاندىن ئۇ بىزنى تۈكۈرۈپ چىقاردى. سىئوندا ياشايدىغانلار: «بابىلنىڭ بىزگە ۋە بىزنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزغا قىلغان زوراۋانلىقى ئۆزىنىڭ بېشىغا كەلسۇن» دەيدۇ. يېرۇسالېم: «بابىلدا ياشايدىغانلار خەلقىمنىڭ قېنىنى تۆككەنلىكى ئۈچۈن، بەدەل تۆلىسۇن!» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئەرزىڭلارنى ئاڭلايمەن. مەن بابىللىقلاردىن سىلەر ئۈچۈن قىساس ئالىمەن. مەن ئۇلارنىڭ سۇ مەنبەلىرىنى ۋە بۇلاقلىرىنى قۇرۇتۇۋېتىمەن. بابىل خارابە دۆۋىسىگە ئايلىنىپ، چىلبۆرىلەر ئۇ يەرنى ماكان تۇتىدۇ. ئۇ قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشۈپ، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالىدۇ ۋە ھېچكىم ئۇ يەردە ياشىمايدۇ. بابىللىقلار ھۆركىرەۋاتقان شىرلارغا، ئوزۇق تالىشىدىغان شىر بالىلىرىغا ئوخشاپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ قورسىقى ئاچقاندا، مەن ئۇلارغا بىر زىياپەت تەييارلاپ، ئۇلارنى ۋارقىراپ كۈلۈشكىدەك مەست قىلىمەن، ئاندىن ئۇلار قاتتىق ئۇيقۇغا كېتىپ، مەڭگۈ ئويغانمايدۇ. مەن قوزا، قوچقار، ئۆچكىلەرنى قۇشخانىغا ھەيدەپ كىرگەندەك، ئۇلارنى بوغۇزلىنىشقا ئېلىپ بارىمەن. ئاھ، بابىل شەھىرى ئىشغال قىلىنىدۇ! پۈتۈن دۇنيا ماختىغان بۇ شەھەر ئەسىرگە ئېلىنىدۇ. بابىل ئەللەر ئارىسىدا بىر قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. دۈشمەنلىرى دېڭىز دولقۇنلىرىدەك كۆتۈرۈلۈپ، ئۇنى كەلكۈندەك باسىدۇ. بابىللىقلارنىڭ شەھەرلىرى خارابىلىككە ۋە چۆل-جەزىرىگە ئايلىنىدۇ. ئۇ يەردە ھېچكىم ياشىمايدۇ، ھەتتا ئۇ يەرگە ھېچكىم ئاياغ باسمايدۇ. مەن بابىلدا ئۇلارنىڭ ئىلاھى بېلنى جازالايمەن. مەن ئۇ يېگەن ھەممە نەرسىلەرنى قۇستۇرىمەن. باشقا ئەللەر ئەمدى ئۇنىڭ ئالدىغا سەلدەك ئېقىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا چوقۇنمايدۇ. بابىلنىڭ سېپىللىرى جەزمەن ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ! ئەي خەلقىم، بابىلدىن چىقىپ كېتىڭلار! پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىدىن قېچىپ، جېنىڭلارنى قۇتقۇزۇڭلار. خەلق ئىچىدە تارقالغان ئۇرۇش خەۋەرلىرىنى ئاڭلاپ، جاسارىتىڭلارنى يوقاتماڭلار، قورقماڭلار. ھەر يىلى ئوخشىمىغان خەۋەرلەر چىقىپ تۇرىدۇ، زېمىندا زوراۋانلىق پەيدا بولىدۇ، ھۆكۈمرانلار بىر-بىرگە قارشى جەڭ قىلىدۇ. شۇنداق ۋاقىت كېلىدۇكى، مەن بابىل ۋە ئۇنىڭ بۇت ئىلاھلىرىنى جازالايمەن. ئۇنىڭ پۈتكۈل زېمىنى نومۇستا قالىدۇ، ھەممە يەرنى جەسەت قاپلايدۇ. ئۇ ۋاقىتتا ئاسمان-زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى پۈتكۈل مەۋجۇداتلار بابىلنىڭ ھالاكىتى ئۈچۈن تەنتەنە قىلىدۇ. چۈنكى شىمالدىن ۋەيران قىلغۇچىلار كېلىپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. بابىل خەلقى ئىسرائىل خەلقىمدىن نۇرغۇن ئادەملەرنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، شۇنداقلا دۇنيادا نۇرغۇنلىغان ئەللەرنى گۇمران قىلغانلىقى ئۈچۈن، بابىلمۇ گۇمران بولىدۇ. ئەي قىلىچتىن قۇتۇلۇپ قالغان ئىسرائىللار، دەرھال كېتىڭلار، كېچىكمەڭلار! بۇ يات زېمىندا مېنى ۋە يېرۇسالېمنى ئەسلەڭلار. سىلەر: ‹بىز نومۇسقا قالدۇق، ھاقارەت قىلىنىپ، كەمسىتىلدۇق، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ مۇقەددەس جايلىرى يات ئەللەر تەرىپىدىن بۇلغاندى› دەيسىلەر. لېكىن مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: توغرا، بىراق شۇنداق بىر ۋاقىت چوقۇم كېلىدۇ، شۇ چاغدا مەن بابىل ۋە ئۇنىڭ بۇت ئىلاھلىرىنى جازالايمەن. بابىلدىكى يارىلانغان كىشىلەرنىڭ نالە-پەريادلىرى پۈتكۈل زېمىنغا ئاڭلىنىدۇ. مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى دەيمەنكى، گەرچە بابىل ئېگىز ئاسمانغا چىقىۋالسىمۇ ياكى قورغانلىرىنى قانچە مۇستەھكەم قۇرسىمۇ، مەن ئۇنىڭغا ۋەيران قىلغۇچىلارنى ئەۋەتىمەن.» بابىلدىن نالە-پەرياد ئاڭلىنىدۇ. ئېغىر ۋەيرانچىلىقنىڭ ئاۋازلىرى بابىللىقلارنىڭ زېمىنىدا ئاڭلىنىدۇ. پەرۋەردىگار بابىلنى ۋەيران قىلىدۇ، شەھەردىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭنى بېسىقتۇرىدۇ. دۈشمەن قوشۇنلىرى ئۆركەشلىگەن دولقۇندەك يامراپ كېلىپ، يەر-جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرگۈدەك چۇقان سالىدۇ. چۈنكى بىر ۋەيران قىلغۇچى بابىلغا ھۇجۇم قىلىدۇ. بابىلنىڭ جەڭچىلىرى ئەسىرگە چۈشۈپ، ئوقيالىرى بۇزۇپ تاشلىنىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار جازالايدىغان خۇدادۇر. ئۇ چوقۇم قىساس ئالىدۇ. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار دەپ ئاتالغان پادىشاھ مۇنداق دەيدۇ: «مەن بابىلنىڭ ئەمەلدارلىرى، دانىشمەنلىرى، ۋالىيلىرى، باشلىقلىرى ۋە جەڭچىلىرىنى مەست قىلىمەن. ئۇلار مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كېتىپ، قايتا ئويغانمايدۇ. بابىلنىڭ قېلىن تاملىرى پۈتۈنلەي ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ، ئۇنىڭ ئېگىز دەرۋازىلىرىغا ئوت قويۇلىدۇ. كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقلىرى بىھۇدە بولىدۇ، ئۇلارنىڭ جاپا بىلەن ئېرىشكەنلىرى ئوتقا يەم بولىدۇ. بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.» زىدقىيا پادىشاھنىڭ يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقىنىڭ 4-يىلى، يەرەمىيا پەيغەمبەر ماخسېيانىڭ نەۋرىسى، نېرىيانىڭ ئوغلى سىراياغا بۇيرۇق قىلدى. ئۇ چاغدا سىرايا زىدقىيا پادىشاھ بىلەن بابىلغا بارماقچى ئىدى. سىرايا بولسا زىدقىيا پادىشاھنىڭ خاس خىزمەتكارى ئىدى. يەرەمىيا تېرىگە بابىلدا يۈز بېرىدىغان بارلىق بالايىئاپەتلەرنى ۋە بابىل توغرىسىدىكى بارلىق بېشارەتلەرنى پۈتۈپ چىقتى. ئاندىن يەرەمىيا سىراياغا مۇنداق دېدى: _ سەن بابىلغا يېتىپ بارغاندا، بۇ بېشارەتلەرنى خەلققە ئۈنلۈك ئوقۇپ بەرگىن. ئاندىن: «ئى پەرۋەردىگار، سەن بۇ زېمىننى ۋەيران قىلىپ، بۇ يەردە ھېچقانداق ئادەم ياكى ھايۋاننىڭ ياشىمايدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدىڭ. بۇ زېمىن مەڭگۈلۈك چۆل-باياۋانغا ئايلىنىدۇ.» دېگىن. سەن بۇ ئورام يازمىنى ئۈنلۈك ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى بىر تاشقا باغلاپ، فىرات دەرياسىغا چۆكتۈرۈۋەتكىن. شۇندىن كېيىن: «بابىل ۋە ئۇنىڭ خەلقى سۇغا چۆكتۈرۈۋېتىلگەن ئورام يازمىغا ئوخشاش چۆكۈپ كېتىدۇ، قايتا كۆتۈرۈلمەيدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ.» دېگىن. يەرەمىياغا كەلگەن ۋەھىيلەر مۇشۇنىڭ بىلەن تۈگىدى. زىدقىيا تەختكە چىققان چاغدا 21 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 11 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى خامۇتال بولۇپ، لىبناھ شەھىرىدىكى يەرەمىيانىڭ قىزى ئىدى. زىدقىيا خۇددى ئىلگىرىكى پادىشاھ يىھوياقىمغا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيە خەلقىگە بولغان غەزىپى چېكىگە يېتىپ، ئۇلارنى ھۇزۇرىدىن قوغلىماقچى بولدى. زىدقىيا بابىل پادىشاھىدىن يۈز ئۆرۈدى. زىدقىيا پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 9-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر پۈتۈن قوشۇنلىرى بىلەن يېرۇسالېمغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئۇ شەھەرنىڭ سىرتىغا بارگاھ قۇرۇپ، شەھەرنىڭ ئەتراپىغا توسۇق تاملىرىنى ياساپ، شەھەرنى قورشىۋالدى. شۇنداق قىلىپ شەھەر تاكى زىدقىيا پادىشاھنىڭ 11-يىلىغىچە قورشاۋ ئىچىدە تۇردى. شۇ يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنىگە كەلگەندە خەلقنىڭ ئوزۇقى تۈگەپ، شەھەردە قاتتىق ئاچارچىلىق يۈز بەردى. بابىللىقلار ئاخىرى شەھەر سېپىلىنى بۇزدى. گەرچە بابىللىقلار شەھەرنى ھەممە تەرەپتىن قورشاپ تۇرغان بولسىمۇ، يېرۇسالېمدىكى لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسى پادىشاھى زىدقىياغا ئەگىشىپ، كەچتە پادىشاھنىڭ بېغىنىڭ يېنىدىكى ئىككى سېپىل ئارىسىدىكى دەرۋازا ئارقىلىق شەھەردىن چىقىپ، ئىئوردان دەرياسى ۋادىسىغا قاراپ قاچتى. بىراق بابىللىقلارنىڭ قوشۇنى پادىشاھ زىدقىيانى قوغلاپ، ئېرىخا تۈزلەڭلىكىدە يېتىشىۋالدى. ئۇنىڭ پۈتۈن قوشۇنى ئۇنى تاشلاپ تەرەپ-تەرەپكە پىتىراپ كەتتى. بابىللىقلار زىدقىيا پادىشاھنى تۇتۇپ، ئۇنى خامات رايونىدىكى رىبلاھ شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. بابىل پادىشاھى شۇ يەردە ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى. بابىل پادىشاھى رىبلاھتا زىدقىيانىڭ ئوغۇللىرىنى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆلتۈردى. بابىل پادىشاھى يەنە يەھۇدىيەنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرىنى ئۆلتۈردى. ئاندىن ئۇ زىدقىيانىڭ كۆزىنى ئويۇۋېلىپ، ئۇنى تۇچ كىشەن بىلەن كىشەنلەپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى ۋە ئۇنى زىندانغا تاشلىدى. ئۇ تاكى ئۆلگۈچە شۇ يەردە تۇردى. 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، يەنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 19-يىلى بابىل پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارى، يەنى ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان يېرۇسالېمغا كەلدى. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا، پادىشاھ ئوردىسىغا ۋە يېرۇسالېمدىكى بارلىق ئۆيلەرگە، بولۇپمۇ كاتتا زاتلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتتى. ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان بىلەن كەلگەن بابىل لەشكەرلىرى يېرۇسالېمنىڭ پۈتۈن سېپىلىنى چېقىۋەتتى. شەھەردە قالغان بىر قىسىم نامراتلار، بابىل پادىشاھىغا بۇرۇن تەسلىم بولغانلار، قېلىپ قالغان ھۈنەرۋەنلەر ۋە باشقا قېلىپ قالغانلارنى ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان يالاپ بابىلغا ئېلىپ كەتتى. لېكىن ئۇ بىر قىسىم نامراتلارنى ئۈزۈمچىلىك ۋە دېھقانچىلىق قىلىشقا قالدۇردى. بابىللىقلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدىكى ئىككى تۇچ تۈۋرۈكنى، ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىدىكى تۇچ داسلار قويۇلغان تۇچ ھارۋىلارنى ۋە «دېڭىز» دەپ ئاتالغان تۇچ داڭقاننى بۇزۇپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى. ئۇلار يەنە كۈل قاچىلىرى، گۈرجەكلەر، پىلىك قايچىلىرى، داسلار، ئىسرىق تەخسىلىرى ۋە ئىبادەتخانىدا ئىشلىتىلىدىغان باشقا تۇچ ئەسۋابلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەتتى. ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى يەنە بارلىق ئالتۇن ۋە كۈمۈش داسلارنى، چوغدانلارنى، قۇربانلىقنىڭ قېنىنى چاچىدىغان داسلارنى، كۈل قاچىلىرىنى، چىراغدانلارنى ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلەر ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان قاچا-قۇچىلارنى ئېلىپ كەتتى. پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا سۇلايمان پادىشاھ ياساتقان ئىككى تۈۋرۈك، داڭقان، داڭقان ئاستىدىكى ئون ئىككى بۇقا ۋە ھارۋىلارغا ھەددى-ھېسابسىز تۇچ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئېغىرلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى. ھەربىر تۇچ تۈۋرۈكنىڭ ئېگىزلىكى توققۇز مېتىر، ئايلانمىسى ئالتە مېتىر، قېلىنلىقى سەككىز سانتىمېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ئىچى بوش ئىدى. تۈۋرۈكنىڭ بېشىدا تۇچتىن ياسالغان ئايرىم باش بولۇپ، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى ئىككى يېرىم مېتىر ئىدى. تۈۋرۈك بېشىنى ئوراپ تۇرىدىغان تورسىمان بېزەك ۋە ئانارلار بولۇپ، ھەممىسى تۇچتىن ياسالغانىدى. تۈۋرۈكنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە ئانار شەكىللىك بېزەك بار ئىدى. تۈۋرۈك بېشىنى ئوراپ تۇرغان تورسىمان بېزەكتە جەمئىي يۈز دانە ئانار بولۇپ، ئۇلارنىڭ 96 دانىسىنى كۆرگىلى بولاتتى. ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان باش روھانىي سىرايانى، مۇئاۋىن روھانىي زىفانىيانى، ئۈچ مۇھاپىزەتچى روھانىينى، شەھەردە قېلىپ قالغان لەشكەرلەرنى نازارەت قىلىدىغان بىر ئەمەلدارنى، پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىلىرىدىن يەتتە ئادەمنى، ئاھالىلەرنى تىزىملايدىغان لەشكىرىي پۈتۈكچىنى ۋە شەھەردىن تېپىۋېلىنغان باشقا ئاتمىش پۇقرانى تۇتتى. نىبۇزارئادان ئۇلارنى خامات رايونىدىكى رىبلاھتا تۇرۇۋاتقان بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. بابىل پادىشاھى ئۇلارنى رىبلاھتا ئۆلتۈردى. شۇنداق قىلىپ يەھۇدىيە خەلقى سۈرگۈن قىلىنىپ، ئۆز زېمىنىدىن ئايرىلدى. نىبۇكادنەزەر ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 7-يىلى ئەسىرگە چۈشۈپ بابىلغا ئېلىپ بېرىلغان يەھۇدىيلارنىڭ سانى 3023 كىشى ئىدى. ئاندىن نىبۇكادنەزەر ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 18-يىلى ئۇ يەنە 832 ئادەمنى سۈرگۈن قىلدى. نىبۇكادنەزەر ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 23-يىلى ئۇ قاراۋۇللار باشلىقى نىبۇزارئاداننى ئەۋەتىپ، يەنە 745 ئادەمنى بابىلغا ئېلىپ كەلدى. شۇنداق قىلىپ، جەمئىي 4600 ئادەم ئەسىرگە ئېلىندى. يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىن سۈرگۈندە يۈرگىنىگە 37 يىل بولغاندا، ئەۋىل-ماردۇق بابىل پادىشاھى بولۇپ، تەختكە چىقتى. شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۇ يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىنغا شەپقەت كۆرسىتىپ، ئۇنى زىنداندىن ئېلىپ چىقتى. ئەۋىل-مىروداك ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى بابىلدا تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان باشقا پادىشاھلاردىن ئۈستۈن قىلدى. يىھوياكىن مەھبۇسلۇق كىيىمىنى سېلىۋەتتى، ئۆمۈر بويى پادىشاھ بىلەن ھەمداستىخان بولدى. ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش خىراجىتىنى بابىل پادىشاھى ئۈزۈلدۈرمەي تەمىنلەپ بەردى. يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىم ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى قورشاۋغا ئالدى. ئىگىمىز خۇدا يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىمنى ۋە ئىبادەتخانىدىكى بىر قىسىم مۇقەددەس بۇيۇملارنى نىبۇكادنەزەرگە تاپشۇرۇپ بەردى. نىبۇكادنەزەر بۇ بۇيۇملارنى بابىلدىكى ئۆز ئىلاھى ئۈچۈن ياسالغان ئىبادەتخانىنىڭ خەزىنىسىگە ئەكىرىپ قويدى. بابىل پادىشاھى ھەرەمئاغىسى ئاشپىنازغا پەرمان قىلىپ: «بابىلغا ئېلىپ كېلىنگەن ئەسىرلەر ئىچىدىكى يەھۇدىيەنىڭ پادىشاھ جەمەتى ۋە باشقا ئاقسۆڭەكلەر ئائىلىسىگە تەۋە ياش يىگىتلەرنىڭ بىر قىسمىنى ئوردىغا باشلاپ كىر. بۇ ياش يىگىتلەر يەتتە ئەزاسى بېجىرىم، كېلىشكەن، پاراسەتلىك، بىلىمى مول، ئەقىللىق، ھەرقايسى جەھەتلەردە پادىشاھ ئوردىسىدا خىزمەت قىلىشقا لايىق بولسۇن. ئۇلارغا بابىل تىل-ئەدەبىياتىنى ئۆگىتىڭلار» دېدى. پادىشاھ ئۇلارغا كۈندە ئوردا تامىقى ۋە شاراب بېرىش ھەمدە ئۇلارنى ئۈچ يىل تەربىيەلەپ ئاندىن ئوردا خىزمىتىگە سېلىش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈردى. بۇ ياش يىگىتلەرنىڭ ئىچىدە يەھۇدا قەبىلىسىدىن دانىيال، خانانيا، مىشائېل ۋە ئازاريالار بار ئىدى. ھەرەمئاغىسى ئۇلارغا يېڭى ئىسىم قويدى: دانىيالنى بېلتىشاززار، خانانيانى شادراك، مىشائېلنى مېشاك، ئازاريانى ئابېدنىگو دەپ ئاتىدى. دانىيال ئوردا تامىقى ۋە شاراب بىلەن ئۆزىنى بۇلغىماسلىقنى قارار قىلىپ، ھەرەمئاغىسىدىن ئۆزىنى پاك تۇتۇشقا ئىجازەت بېرىشىنى سورىدى. خۇدا دانىيالنى ھەرەمئاغىسىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ۋە رەھىمدىللىكىگە نائىل قىلدى. ئەمما ھەرەمئاغىسى دانىيالغا مۇنداق دېدى: _ مەن پادىشاھ ئالىيلىرىدىن قورقىمەن، ئۇ سىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمىكىڭلارنى شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغان. ئەگەر پادىشاھ سىلەرنىڭ باشقا يىگىتلەرگە قارىغاندا روھسىز تۇرغىنىڭلارنى كۆرسە، كاللامنى ئېلىشى مۇمكىن. دانىيال ھەرەمئاغىسى تەرىپىدىن خانانيا، مىشائېل، ئازاريا ۋە ئۆزىنى باشقۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قاراۋۇلغا مۇنداق دېدى: _ سىلى بىز خىزمەتكارلىرىغا كۆكتات ۋە سۇدىن باشقا ھېچ نەرسە بەرمەي، ئون كۈن سىناپ باقسىلا. كېيىن بىزنى، ئوردا تامىقى يەۋاتقان باشقا ياش يىگىتلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرسىلە، ئاندىن ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرگەن ئەھۋالغا قاراپ بىزنى ئورۇنلاشتۇرسىلا! قاراۋۇل ئۇلارنى ئون كۈن سىناپ بېقىشقا قوشۇلدى. ئون كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ قامىتى ئوردا تامىقى يېگەن باشقا يىگىتلەردىنمۇ كېلىشكەن، ساغلام بولۇپ كۆرۈندى. قاراۋۇل ئۇلارنىڭ ئوردا تامىقى ۋە شارابنى بىكار قىلىپ، كۆكتات بىلەن ئوزۇقلىنىشىغا يول قويدى. خۇدا بۇ تۆت يىگىتنى ئەدەبىيات ۋە پەلسەپەدە مۇكەممەل بىلىمگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلدى ۋە دانىيالغا ھەر خىل غايىبانە ئالامەت ۋە چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىغان قابىلىيەتنى بەردى. پادىشاھ بەلگىلىگەن ئۈچ يىل توشقاندىن كېيىن، ھەرەمئاغىسى ھەممە يىگىتلەرنى پادىشاھ نىبۇكادنەزەرنىڭ ھۇزۇرىغا باشلاپ كىردى. پادىشاھ ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ، يىگىتلەرنىڭ ئىچىدە ھېچكىمنىڭ دانىيال، خانانيا، مىشائېل ۋە ئازاريالارغا يەتمەيدىغانلىقىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ بۇ تۆت يىگىتنى ئۆز خىزمىتىگە ئېلىپ قالدى. پادىشاھ ئۇلاردىن ھەرقانداق بىر مەسلىھەتنى سورىغاندا، ئۇلارنىڭ ئەقلى ۋە چۈشەنچىسىنىڭ ئۆز پادىشاھلىقىدىكى بارلىق سېھىرگەرلەر ۋە پالچىلاردىن ئون ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. دانىيال بابىلدا كورەش پادىشاھ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ بىرىنچى يىلىغىچە تۇرۇپ قالدى. پادىشاھ نىبۇكادنەزەر ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئىككىنچى يىلى بىر چۈش كۆردى، چۈشى سەۋەبلىك كەيپىياتى بۇزۇلۇپ، ئۇيقۇسى قاچتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سېھىرگەر، پالچى، داخان ۋە باخشىلارنى ئۆز چۈشىگە تەبىر بېرىش ئۈچۈن چاقىرتىپ كەلدى. ئۇلار پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرگەندىن كېيىن، پادىشاھ بۇ ھۆكۈمالارغا: _ مەن بىر چۈش كۆردۈم، چۈشۈم كەيپىياتىمنى بۇزدى، مەن بۇ چۈشنىڭ تەبىرىنى بىلمەكچىمەن، _ دېدى. ھۆكۈمالار پادىشاھقا ئارامىي تىلىدا جاۋاب بېرىپ: _ پادىشاھ ئالىيلىرى مەڭگۈ ياشىغايلا! چۈشلىرىنى بىز خىزمەتكارلىرىغا سۆزلەپ بەرسىلە، چۈشلىرىگە تەبىر بېرەيلى، _ دېدى. پادىشاھ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەگەر سىلەر مېنىڭ قانداق چۈش كۆرگەنلىكىمنى ۋە ئۇنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بېرەلمىسەڭلار، تېنىڭلار پارچىلىنىپ، ئۆيۈڭلار خارابىلىككە ئايلىنىدۇ. ئەگەر سىلەر كۆرگەن چۈشۈمنى ئېيتىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا تەبىر بېرەلىسەڭلار، مەندىن كاتتا ئىنئام ۋە مەرتىۋىگە ئېرىشىسىلەر. ئەمدى مېنىڭ چۈشۈمنى ۋە ئۇنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بېرىڭلار. ئۇلار پادىشاھقا يەنە جاۋاب بېرىپ: _ پادىشاھ ئالىيلىرى، چۈشلىرىنى بىز خىزمەتكارلىرىغا سۆزلەپ بەرسىلە، چۈشلىرىگە تەبىر بېرەيلى، _ دېدى. پادىشاھ: _ ئېنىق بىلىپ تۇرۇۋاتىمەن، سىلەر قارارىمنىڭ قەتئىيلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ۋاقىتنى ئارقىغا سوزۇۋاتىسىلەر. ئەگەر سىلەر مېنىڭ چۈشۈمگە تەبىر بېرەلمىسەڭلار، سىلەرنى پەقەت جازا كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. سىلەر تىل بىرىكتۈرۈپ، ماڭا يالغان گەپ قىلىپ، ئىشلارنى ئۆزگەرتمەكچى بولۇۋاتىسىلەر. سىلەر ھازىر مېنىڭ چۈشۈمنى دەپ بېرىڭلار، شۇندىلا مەن سىلەرنىڭ چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن، _ دېدى. ھۆكۈمالار پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ: _ يەر يۈزىدە ھېچقانداق ئادەم ئالىيلىرىنىڭ بۇ تەلەپلىرىنى قاندۇرالمايدۇ. ئەلمىساقتىن تارتىپ ھېچقانداق بىر ئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىك پادىشاھ بۇنداق بىر تەلەپنى سېھىرگەر، پالچى ۋە ھۆكۈمالاردىن تەلەپ قىلىپ باقمىغان. ئالىيلىرىنىڭ قىلغان بۇ تەلىپى ئىنتايىن قىيىندۇر، بۇ تەلەپنى پەقەت ئىنسانلار ئارىسىدا ياشىمايدىغان ئىلاھلارلا ئورۇندىيالايدۇ، _ دېدى. بۇنى ئاڭلاپ پادىشاھ قاتتىق دەرغەزەپ بولۇپ، بابىلدىكى بارلىق ھۆكۈمالارنى قەتل قىلىشقا ئەمر قىلدى. ھۆكۈمالارنى قەتل قىلىش ھۆكۈمى ئېلان قىلىندى. ئادەم ئەۋەتىلىپ، دانىيال ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىمۇ ئۆلتۈرمەكچى بولۇشتى. ياساۋۇللار باشلىقى ئاريوك ھۆكۈمالارنى قەتل قىلىش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى. دانىيال ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ زېرەكلىك ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن: _ پادىشاھ نېمە ئۈچۈن بۇنداق قاتتىق يارلىقنى چۈشۈردى؟ _ دەپ سورىدى. ئاريوك بولغان ئەھۋالنى دانىيالغا سۆزلەپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن دانىيال پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ، ئۆزىگە ۋاقىت بەرسە پادىشاھنىڭ كۆرگەن چۈشىگە تەبىر بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاندىن دانىيال ئۆيىگە قايتىپ بېرىپ، دوستلىرى خانانيا، مىشائېل ۋە ئازاريالارغا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ ئۆزلىرى ۋە بابىلدىكى باشقا ھۆكۈمالارنىڭ قەتل قىلىنماسلىقى ئۈچۈن، دوستلىرىغا: _ ئەرشتىكى خۇداغا ئىلتىجا قىلىڭلار، ئۇنىڭ بىزگە رەھىم قىلىپ، بۇ سىرلىق چۈشكە تەبىر بېرەلىشىمىزنى ئۆتۈنۈڭلار، _ دېدى. شۇ كېچىسى بۇ سىرلىق چۈشنىڭ تەبىرى دانىيالغا غايىبانە ۋەھىي ئارقىلىق ئايان بولدى. شۇنىڭ بىلەن دانىيال ئەرشتىكى خۇداغا مەدھىيە ئوقۇپ، مۇنداق دېدى: «مەدھىيەلەيمەن خۇدانىڭ نامىنى تائەبەد، مەڭگۈ ئۇنىڭغا يار بولغاي ئەقىل ۋە قۇدرەت. ئۇ ئۆزگەرتەلەيدۇ ۋاقىت ۋە پەسىلنى، ئۇ بىكار قىلىدۇ ۋە تىكلەيدۇ پادىشاھلارنى. ئۇ دانىشمەنلەرگە دانالىق، ئاقىللارغا بىلىم ئاتا قىلىدۇ. ئۇ ئاشكارىلايدۇ غايىب ئىشلار ۋە سىرلارنى، ئۇ بىلىدۇ بارچە قاراڭغۇلۇقتىكى ئىشلارنى، چۈنكى ياردۇر يورۇقلۇق ئۇنىڭغا. شۈكۈر ۋە مەدھىيە ئېيتىمەن، ئى خۇدا ساڭا، ئى ئەجدادلىرىم ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، ماڭا پاراسەت ۋە قۇدرەت قىلدىڭ ئاتا. بىزگە بەردىڭ سورىغىنىمىزنى، بىزگە بىلدۈردۈڭ پادىشاھنىڭ چۈشىنى.» دانىيال پادىشاھ تەرىپىدىن بابىلدىكى ھۆكۈمالارنى قەتل قىلىشقا بۇيرۇلغان ئاريوكنىڭ ئالدىغا بېرىپ: _ بابىلدىكى ھۆكۈمالارنى قەتل قىلماڭ، مېنى پادىشاھنىڭ ئالدىغا باشلاپ بېرىڭ، مەن پادىشاھنىڭ چۈشىگە تەبىر بېرىمەن، _ دېدى. ئاريوك دانىيالنى دەرھال پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىردى ۋە پادىشاھقا: _ مەن يەھۇدىيە زېمىنىدىن ئەسىرگە ئېلىنغانلار ئىچىدىن ئالىيلىرىنىڭ چۈشىگە تەبىر بېرەلەيدىغان بىرسىنى تېپىپ كەلدىم، _ دېدى. پادىشاھ دانىيالدىن (بېلتىشاززار دەپمۇ ئاتىلىدۇ): _ سەن مېنىڭ نېمە چۈش كۆرگەنلىكىمنى بىلەلەمسەن ۋە چۈشۈمگە تەبىر بېرەلەمسەن؟ _ دەپ سورىدى. دانىيال مۇنداق جاۋاب بەردى: _ ھېچقانداق بىر ھۆكۈما، پالچى، سېھىرگەر ياكى مۇنەججىم ئالىيلىرى سورىغان بۇ سىرلىق ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ. لېكىن ئەرشتە سىرلارنى يېشەلەيدىغان بىر خۇدا بار. ئۇ پادىشاھ ئالىيلىرىغا كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى كۆرسىتىپ بەرگەن. سىلى ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتتا كۆرگەن چۈش ۋە ئالامەتلەر مۇنداق: پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلىنىڭ ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتتا كۆرگەن چۈشلىرى كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلاردىن بېشارەتتۇر. سىرلىق ئىشلارنى ئاشكارا قىلالايدىغان خۇدا سىلىگە كېيىن يۈز بېرىدىغان ئىشلاردىن ئالدىن بېشارەت بەرگەندۇر. بۇ سىرنىڭ ماڭا ئاشكارا قىلىنغانلىقى مېنىڭ دانالىقىمنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سىلى كۆرگەن بۇ چۈشنىڭ مەنىسىنى بىلىشلىرى ئۈچۈندۇر. پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى چۈشلىرىدە ئالدىلىرىدا يالتىراپ، چاقناپ تۇرغان ناھايىتى چوڭ بىر ھەيكەلنى كۆردىلە. بۇ ھەيكەلنىڭ تۇرقى ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بولۇپ، ئۇنىڭ بېشى ساپ ئالتۇندىن، كۆكرىكى ۋە بىلىكى كۈمۈشتىن، قورسىقى ۋە يوتىسى تۇچتىن ياسالغان. پاچىقى تۆمۈردىن، پۇتىنىڭ بىر قىسمى تۆمۈردىن، بىر قىسمى ساپالدىن ياسالغان. سىلى ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغانلىرىدا، ئىنسان قولى بىلەن قېزىۋېلىنمىغان بىر قورام تاش دومىلاپ كېلىپ، ھەيكەلنىڭ تۆمۈر ۋە ساپالدىن ياسالغان پۇتلىرىغا ئۇرۇلدى-دە، ئۇلارنى پارچە-پارچە قىلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن تۆمۈر، ساپال، تۇچ، كۈمۈش ۋە ئالتۇنلار پارچە-پارچە بولۇپ، خۇددى يازدا خامانغا دۆۋىلەپ قويۇلغان ساماننى بوران ئۇچۇرۇپ كەتكەندەك، ھەيكەلنىڭ پارچىلىرىدىن ھېچبىر ئەسەر قالمىدى. ئەمما ھەيكەلنى چېقىپ تاشلىغان ھېلىقى قورام تاش چوڭ بىر تاغقا ئايلىنىپ، پۈتۈن يەر يۈزىنى قاپلىدى. بۇ سىلىنىڭ كۆرگەن چۈشلىرىدۇر، ئەمدى چۈشلىرىگە تەبىر بېرەي. پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى پادىشاھلارنىڭ پادىشاھىدۇرلا! ئەرشتىكى خۇدا سىلىگە سەلتەنەت، كۈچ-قۇدرەت ۋە شان-شۆھرەت ئاتا قىلدى. ئۇ سىلىنى يەر يۈزىدە ياشاۋاتقان بارلىق ئىنسانلارنىڭ، ھەتتاكى ياۋايى ھايۋانلار، ئاسماندىكى قۇشلارنىڭ خاقانى قىلغاندۇر. سىلى چۈشلىرىدە كۆرگەن ھەيكەلنىڭ ئاشۇ ئالتۇن بېشى ئۆزلىرى بولىلا. سىلىدىن كېيىن، سىلىنىڭ پادىشاھلىقلىرىغا يەتمەيدىغان يەنە بىر پادىشاھلىق بارلىققا كېلىدۇ، كېيىن يەنە ئۈچىنچى بىر پادىشاھلىق بارلىققا كېلىدۇ، بۇ پادىشاھلىق ھېلىقى تۇچتۇر. ئۇ پۈتۈن يەر يۈزىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئاخىرىدا تۆتىنچى پادىشاھلىق بارلىققا كېلىدۇ. ئۇ تۆمۈردەك قاتتىق بولۇپ، تۆمۈر بارلىق نەرسىلەرنى كۇكۇم-تالقان قىلالىغىنىدەك بۇ پادىشاھلىقمۇ باشقا پادىشاھلىقلارنى ئۇرۇپ، بىتچىت قىلىدۇ. سىلى كۆرگەن ساپال بىلەن تۆمۈردىن ياسالغان پۇت ۋە پۇتنىڭ بارماقلىرى، بۇ پادىشاھلىقنىڭمۇ پارچىلىنىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ. چۈشلىرىدە تۆمۈر بىلەن ساپال ئارىلاش ياسالغاندەك، بۇ پادىشاھلىقنىڭمۇ تۆمۈردەك كۈچلۈك تەرىپى بولىدۇ. پۇت بارماقلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ تۆمۈردىن يەنە بىر قىسمىنىڭ ساپالدىن ياسالغانلىقى بۇ پادىشاھلىقنىڭ تۆمۈردەك كۈچلۈك، ھەم ساپالدەك ئاجىز بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. تۆمۈر بىلەن ساپالنىڭ ئارىلاشقانلىقى ھۆكۈمدارلارنىڭ قۇدا بولۇش يولى بىلەن پادىشاھلىقلىرىنى مۇستەھكەملەش ئويىدا بولىدىغانلىقىنى، ئەمما تۆمۈر بىلەن ساپال ئارىلىشالمىغاندەك ئۇلارنىڭمۇ بىرلىشەلمەيدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ. ئاشۇ پادىشاھلار ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان زاماندا، ئەرشتىكى خۇدا مەڭگۈ مەغلۇپ بولمايدىغان ۋە يوقالمايدىغان بىر پادىشاھلىقنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. بۇ پادىشاھلىق باشقا بارلىق پادىشاھلىقلارنى يانجىپ، يوقىتىپ، ئۆزى مەڭگۈ ھۆكۈم سۈرىدۇ. سىلى كۆرگەن، ئىنسان قولى بىلەن قېزىۋېلىنمىغان بىر قورام تاشنىڭ دومىلاپ كېلىپ، تۆمۈر، تۇچ، ساپال، كۈمۈش ۋە ئالتۇنلاردىن ياسالغان ھەيكەلگە ئۇرۇلۇپ، ئۇنى چېقىپ تاشلىغانلىقى، ئۇلۇغ خۇدانىڭ پادىشاھ ئالىيلىرىغا كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىدۇر. سىلىنىڭ كۆرگەن بۇ چۈشلىرى راستتۇر، ئۇنىڭ تەبىرىمۇ ئىشەنچلىكتۇر. پادىشاھ نىبۇكادنەزەر يەرگە باش قويۇپ، دانىيالغا تەزىم قىلدى. پادىشاھ ئادەملىرىگە دانىيالغا يېمەكلىك ھەدىيە قىلىش ۋە ئىسرىق كۆيدۈرۈش پەرمانىنى چۈشۈردى. ئۇ دانىيالغا: _ راست، سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى، پادىشاھلارنىڭ ئىگىسى، سىرلارنىڭ يەشكۈچىسى ئىكەن. چۈنكى بۇ سىرنى پەقەت سەنلا ماڭا يېشىپ بېرەلىدىڭ، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ دانىيالغا يۇقىرى مەرتىۋە بەردى ۋە يەنە ئۇنىڭغا كۆپلىگەن قىممەتلىك نەرسىلەرنى ئىنئام قىلدى. ئۇ دانىيالنى پۈتۈن بابىل ئۆلكىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قويدى، شۇنداقلا بارلىق ھۆكۈمالارنىڭ ئاقساقىلى قىلىپ تەيىنلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا پادىشاھ، دانىيالنىڭ ئىلتىماسى بىلەن شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولارنى بابىل ئۆلكىسىنى باشقۇرىدىغان ئەمەللەرگە تەيىنلىدى، دانىيال بولسا پادىشاھنىڭ ئوردىسىدا قالدى. پادىشاھ نىبۇكادنەزەر ئېگىزلىكى 30 مېتىر، كەڭلىكى 3 مېتىر كېلىدىغان بىر ئالتۇن ھەيكەلنى ياسىتىپ، ئۇنى بابىل ئۆلكىسىنىڭ دۇرا تۈزلەڭلىكىگە تىكلىدى. ئاندىن ئۇ ئۆلكە باشلىقلىرى، ۋالىيلار، ھاكىملار، مەسلىھەتچىلەر، خەزىنىچىلەر، سوتچىلار، تەپتىشلەر ۋە ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى باشقا بارلىق ئەمەلدارلارنى چاقىرتىپ، ھەيكەل تىكلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىشىنى ئەمر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆلكە باشلىقلىرى، ۋالىيلار، ھاكىملار، مەسلىھەتچىلەر، خەزىنىچىلەر، سوتچىلار، تەپتىشلەر ۋە ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى باشقا بارلىق ئەمەلدارلار يىغىلىپ، پادىشاھ نىبۇكادنەزەر تىكلىگەن ھەيكەلنىڭ مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئۇلار ھەيكەلنىڭ ئالدىدا تۇردى. شۇ چاغدا جاكارچى يۇقىرى ئاۋازدا: «ھەرقايسى خەلق، ھەرقايسى مىللەت، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغانلار ئاڭلاڭلار! بۇ سىلەرگە جاكارلانغان پەرماندۇر: سىلەر بۇرغا، نەي، لىرا، قالۇن، چىلتار، ناغرا قاتارلىق ھەر خىل سازلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان، يەرگە باش قويۇپ، پادىشاھ نىبۇكادنەزەر تىكلىگەن ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلىڭلار. كىمكى يەرگە باش قويۇپ، سەجدە قىلمىسا، لاۋۇلداپ ئوت يېنىۋاتقان خۇمدانغا تاشلىنىدۇ» دەپ جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى خەلق، ھەرقايسى مىللەت، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغانلار بۇرغا، نەي، لىرا، قالۇن، چىلتار قاتارلىق ھەر خىل سازلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان، يەرگە باش قويۇپ، پادىشاھ نىبۇكادنەزەر تىكلىگەن ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلدى. بۇ چاغدا بىرنەچچە بابىللىقلار پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ، يەھۇدىيلارنى چاقتى. ئۇلار پادىشاھقا مۇنداق دېدى: _ پادىشاھ ئالىيلىرى مەڭگۈ ياشىغايلا! پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى پەرمان قىلىپ «بۇرغا، نەي، لىرا، قالۇن، چىلتار، ناغرا قاتارلىق ھەر خىل سازلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان، ئادەملەرنىڭ ھەممىسى يەرگە باش قويۇپ، ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلسۇن. كىمكى يەرگە باش قويۇپ، سەجدە قىلمىسا، لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان خۇمدانغا تاشلانسۇن» دەپ جاكارلىغانىدىلە. ئەمما بىرنەچچە يەھۇدىيلار يەنى پادىشاھ ئالىيلىرى بابىل ئۆلكىسىگە ئەمەلدار قىلىپ تەيىنلىگەن شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولار ئالىيلىرىنىڭ ئەمرىگە پەرۋا قىلماي، سىلى تىكلىگەن ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلمىدى، ئۇلار سىلىنىڭ ئىلاھلىرىغا ئېتىقاد قىلمايدىكەن. پادىشاھ نىبۇكادنەزەر دەرغەزەپ بولۇپ، شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولارنى ئۆز ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈشكە بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى. نىبۇكادنەزەر ئۇلارغا: _ شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگو، سىلەر مېنىڭ ئىلاھلىرىمغا ئېتىقاد قىلماي، مەن تىكلىگەن ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلمىغىنىڭلار راستمۇ؟ ھازىر سىلەر بۇرغا، نەي، لىرا، قالۇن، چىلتار، ناغرا قاتارلىق ھەر خىل سازلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان، مەن تىكلىگەن ھەيكەلگە سەجدە قىلساڭلار، سىلەرنى كەچۈرىمەن. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، سىلەر لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان خۇمدانغا دەرھال تاشلىنىسىلەر. شۇ چاغدا قايسى خۇدا سىلەرنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالايدىكىن قېنى؟ _ دېدى. شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولار پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ: _ ئالىيلىرى، بۇ ئىشتا سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا بىزنىڭ ئۆزىمىزنى ئاقلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئەگەر بىز لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان خۇمدانغا تاشلانساق، بىز ئېتىقاد قىلىۋاتقان خۇدا بىزنى ئوتنىڭ كۆيدۈرۈشىدىن ساقلىيالايدۇ ۋە سىلىنىڭ قوللىرىدىن قۇتقۇزىدۇ. پادىشاھ ئالىيلىرى، بىلىپ قالسىلا، ئۇ بىزنى قۇتقۇزمىغان تەقدىردىمۇ، بىز سىلىنىڭ خۇدالىرىغا ياكى سىلى تىكلىگەن ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلمايمىز، _ دېدى. شۇ چاغدا نىبۇكادنەزەرنىڭ شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولارغا قاتتىق غەزىپى كېلىپ، چىرايى تاتىرىپ كەتتى. ئۇ خۇمداننى ئادەتتىكى چاغلاردىن يەتتە ھەسسە ئارتۇق قىزىتىشقا پەرمان قىلدى. لەشكەرلەر ئىچىدىكى قاۋۇل ئادەملىرىگە شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولارنى باغلاپ، لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان خۇمدانغا تاشلاشقا بۇيرۇق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۈچەيلەن باغلىنىپ، تون، ئىشتان، باش كىيىم ۋە باشقا ئېگىنلىرى بىلەنلا ئوتقا تاشلاندى. پادىشاھ خۇمداندىكى ئوتنى ئۇلغايتىشقا قاتتىق بۇيرۇق قىلغاچقا، ئوت يالقۇنى ئۇلارنى ئوتقا تاشلاشقا كەلگەن لەشكەرلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى. بۇ ئۈچەيلەن _ شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولار باغلاقلىق پېتى لاۋۇلداپ يېنىۋاتقان ئوتقا تاشلاندى. پادىشاھ نىبۇكادنەزەر تۇيۇقسىز ھەيران بولۇپ سەكرەپ كەتتى ۋە مەسلىھەتچىلىرىدىن: _ بىز ئۈچ ئادەمنى باغلاپ ئوتقا تاشلىغان ئەمەسمىدۇق؟ _ دەپ سورىدى. ئۇلار: _ شۇنداق، پادىشاھ ئالىيلىرى، _ دېدى. پادىشاھ: _ ئەمما مەن ئوت ئىچىدە باغلانمىغان تۆت ئادەمنىڭ ساق-سالامەت مېڭىپ يۈرگەنلىكىنى كۆردۈم، ئۇلارنىڭ تۆتىنچىسى ئىلاھىي زاتقا ئوخشايدىكەن، _ دېدى. ئاندىن پادىشاھ نىبۇكادنەزەر لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان خۇمداننىڭ ئېغىزىغا كېلىپ: _ شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگو، ئۇلۇغ خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى، بۇ ياققا چىقىڭلار، _ دەپ ۋارقىرىدى. شۇنىڭ بىلەن شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولار ئوتتىن چىقتى. ئۆلكە باشلىقلىرى، ۋالىيلار، ھاكىملار ۋە ئوردا مەسلىھەتچىلىرى ئۇلارنى ئورىۋېلىشتى ۋە ئوتنىڭ ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنى، بەدىنىنى، ھەتتا بىر تال مويىنىمۇ كۆيدۈرەلمىگەنلىكىنى كۆرۈشتى. ھەتتا ئۇلارنىڭ تونىدا ئوتنىڭ ئىس پۇرىقىمۇ يوق ئىدى. پادىشاھ نىبۇكادنەزەر: _ شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولارنىڭ خۇداسىغا مەدھىيەلەر بولسۇن! ئۇ پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ، ئۆزىگە ئىشەنگەن خىزمەتكارلىرىنى قۇتقۇزدى. ئۇلار مېنىڭ ئەمرىمگە خىلاپلىق قىلسىمۇ، ئەمما ئۆز خۇداسىدىن باشقا ھېچقانداق بىر ئىلاھقا چوقۇنۇپ، سەجدە قىلىشنى خالىماي، ھاياتىدىن كېچىشكە رازى بولۇشتى. شۇڭا مەن شۇنداق پەرمان قىلىمەنكى، «مەيلى قايسى خەلق، قايسى مىللەت، قايسى تىلدا سۆزلىشىدىغانلار بولسۇن، شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولارنىڭ خۇداسىغا قارشى گەپ قىلسا، ئۇلار چېپىپ تاشلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋېتىلىدۇ، ئۇلارغا نىجاتلىق بەرگەن خۇدادىن باشقا خۇدا نىجاتلىق بېرەلمەيدۇ»، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ بابىل ئۆلكىسىدە شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولارنىڭ مەرتىۋىسىنى ئۆستۈردى. پادىشاھ نىبۇكادنەزەر يەر يۈزىدە ياشايدىغان ھەرقايسى خەلق، ھەرقايسى مىللەت ۋە ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغانلارغا مۇنداق دەپ جاكارلىدى: _ ھەممىڭلارغا دائىم ئاسايىشلىق بولسۇن! مەن ئۇلۇغ خۇدانىڭ ماڭا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرى ۋە بېشارەتلىرىنى سىلەرگە خۇشاللىق بىلەن سۆزلەپ بېرىمەن. «نەقەدەر ئۇلۇغ ئۇنىڭ بېشارەتلىرى، نەقەدەر قۇدرەتلىك ئۇنىڭ كارامەتلىرى، مەڭگۈلۈكتۇر ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە داۋاملىشار ھۆكۈمرانلىقى.» مەن نىبۇكادنەزەر ئوردامدا باياشات ۋە راھەت ياشاۋاتقانىدىم. بىر كۈنى كېچىدە قورقۇنچلۇق بىر چۈش كۆردۈم. چۈشۈمدە كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەردىن شۇنداق قورقۇپ كەتتىم. مەن بابىلدىكى بارلىق ھۆكۈمالارنى ئالدىمغا چاقىرتىپ كېلىپ، چۈشۈمگە تەبىر بېرىشكە بۇيرۇدۇم. شۇنىڭ بىلەن سېھىرگەر، پالچى، باخشى ۋە مۇنەججىملەر ئالدىمغا كېلىشتى. مەن ئۇلارغا چۈشۈمنى دەپ بەردىم. ئەمما ئۇلار چۈشۈمگە تەبىر بېرەلمىدى. ئاخىرىدا دانىيال ھۇزۇرۇمغا كەلدى. (مەن، ئىلاھىمنىڭ ئىسمىغا ئوخشىتىپ، ئۇنىڭغىمۇ بېلتىشاززار دەپ ئىسىم قويغان ئىدىم). ئۇنىڭدا مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى بار ئىكەن. مەن چۈشۈمنى ئۇنىڭغا دەپ بەردىم. مەن ئۇنىڭغا: «ئەي ھۆكۈمالارنىڭ ئۇستازى بېلتىشاززار، سەندە مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى بارلىقىنى بىلىمەن، سەن يېشەلمەيدىغان ھېچقانداق سىر يوق. چۈشۈمگە تەبىر بەرگىن. مەن چۈشۈمدە زېمىننىڭ ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى ئېگىز بىر دەرەخنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇ دەرەخ توختىماي زورىيىپ، ئۆسۈپ، ئۇنىڭ ئۇچى پەلەككە تاقاشتى. بۇ دەرەخنى زېمىندىكى بارلىق كىشىلەر كۆرەلەيتتى. ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرى كۆركەم، مېۋىلىرى غۇچچىدە بولۇپ، ھەممە جانلىقلارغا ئوزۇق بولاتتى. ياۋايى ھايۋانلار ئۇنىڭ ئاستىدا سايىدايتتى. ئاسماندىكى قۇشلار ئۇنىڭ شاخلىرىغا چاڭگا تىزاتتى. ھەر خىل جانىۋارلار ئۇنىڭدىن ئوزۇقلىناتتى. مەن ئورنۇمدا يېتىپ، كۆز ئالدىمدىكى بۇ مەنزىرىنى ئويلاۋاتاتتىم. شۇ پەيتتە ئاسماندىن بىر كۆزەتكۈچى پەرىشتە چۈشتى. ئۇ يۇقىرى ئاۋازدا: ‹بۇ دەرەخنى كېسىڭلار، شاخلىرىنى پۇتاڭلار، يوپۇرماقلىرىنى چۈشۈرۈۋېتىڭلار، مېۋىلىرىنى قېقىۋېتىڭلار. ھايۋانلارنى سايىسىدىن ۋە قۇشلارنى شاخلىرىدىن قوغلىۋېتىڭلار. ئەمما، دەرەخنىڭ كۆتىكى بىلەن يىلتىزلىرىغا تەگمەڭلار، ئۇلارنى تۆمۈر ۋە تۇچ بىلەن چەمبەرلەپ، ئوت-چۆپلەر ئارىسىدا قالدۇرۇڭلار. ئۇ شەبنەملەردە ھۆل بولۇپ، ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىرگە ئۆسۈملۈك ئارىسىدا ياشىسۇن. يەتتە مەزگىل ئىچىدە ئۇ ئىنساننىڭ تەپەككۇرىدە ئەمەس بەلكى ھايۋاننىڭ تەپەككۇرىدە ياشىسۇن.› دېدى. مانا بۇ، دۇنيا پادىشاھلىقلىرىنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان ئۇلۇغ خۇدانىڭ يەريۈزىدىكى پادىشاھلىقلارنى خالىغان ئادەمگە، ھەتتا تۆۋەن تەبىقىدىكى ئادەملەرگىمۇ بېرىدىغانلىقىنى ھەممە ئادەمگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇ قارارنى پەرىشتىلەر ئارقىلىق جاكارلىغىنىدۇر. بۇ مەن پادىشاھ نىبۇكادنەزەر كۆرگەن چۈش. مېنىڭ چۈشۈمگە پادىشاھلىقىمدىكى ھېچقايسى ھۆكۈمالار تەبىر بېرەلمىدى. سەن بېلتىشاززار مېنىڭ چۈشۈمگە تەبىر بەرگىن. پەقەت سەنلا بۇ چۈشۈمگە تەبىر بېرەلەيسەن، چۈنكى سەندە مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى بار» دېدىم. دانىيال، يەنى بېلتىشاززار بىر دەم تېنەپ قالدى ۋە ئۆزىنىڭ خىيالىدىن قورقۇپ كەتتى. پادىشاھ ئۇنىڭغا: _ بېلتىشاززار، چۈشۈم ۋە چۈشۈمنىڭ تەبىرى سېنى چۆچۈتۈپ قويمىسۇن، _ دېدى. بېلتىشاززار جاۋابەن مۇنداق دېدى: _ پادىشاھىم، مەن بۇ چۈش ۋە چۈشلىرىنىڭ تەبىرىنىڭ سىلىگە ئەمەس، بەلكى دۈشمەنلىرىنىڭ بېشىغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم. چۈشلىرىدە كۆرگەن دەرەخ توختىماي زورىيىپ، ئۆسۈپتۇ، ئۇنىڭ ئۇچى پەلەككە تاقىشىپتۇ، ئۇنى زېمىندىكى بارلىق كىشىلەر كۆرەلەيدىكەن. ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرى كۆركەم، مېۋىلىرى غۇچچىدە بولۇپ، ھەممە جانلىقلارغا ئوزۇق بولالايدىكەن. ياۋايى ھايۋانلار ئۇنىڭ ئاستىدا سايىدايدىكەن، ئۇنىڭ شاخلىرىدا ئاسماندىكى قۇشلار چاڭگا تىزىپتۇ. پادىشاھ ئالىيلىرى، ئۇ دەرەخ بولسا سىلى ئۆزلىرىدۇر. سىلى زورىيىپ، ئۇلۇغلىشىپ، ھوقۇقلىرى ئەرشكىچە يېتىپتۇ. ھۆكۈمرانلىقلىرى زېمىننىڭ ئەڭ چېتىگىچە يېتىپ بېرىپتۇ. پادىشاھ ئالىيلىرى سىلى بىر پەرىشتىنىڭ ئاسماندىن چۈشكەنلىكىنى كۆرۈپلا ۋە ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلاپلا: «دەرەخنى كېسىپ تاشلاپ، ئۇنى ۋەيران قىلىڭلار. ئەمما، دەرەخنىڭ كۆتىكى بىلەن يىلتىزلىرىغا تەگمەڭلار، ئۇلارنى تۆمۈر ۋە تۇچ بىلەن چەمبەرلەپ، ئوت-چۆپلەر ئارىسىدا قالدۇرۇڭلار. ئۇ شەبنەملەردە ھۆل بولسۇن، ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىرگە ئۇ يەردە يەتتە مەزگىل ياشىسۇن». پادىشاھ ئالىيلىرى، مانا بۇ ئۇلۇغ خۇدا سىلىنىڭ باشلىرىغا كېلىشىنى بېكىتكەن ئىشلاردۇر. كۆرگەن چۈشلىرىنىڭ تەبىرى مۇنداقتۇر: «سىلى ئىنسانلار ئارىسىدىن قوغلىنىدىلا ۋە ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىرگە ياشايدىلا. سىلى كالىغا ئوخشاش ئوت-چۆپ يەيدىلا، شەبنەملەردە ھۆل بولىدىلا. يەتتە مەزگىلدىن كېيىن سىلى دۇنيادىكى بارلىق پادىشاھلىقلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىنىڭ پەقەت ئۇلۇغ خۇدا ئىكەنلىكىنى، ئۇ پادىشاھلىقلىرىنى خالىغان ئادەمگە بېرىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدىلا. پەرىشتىنىڭ ‹دەرەخنىڭ كۆتىكى ۋە يىلتىزلىرىنى قالدۇرۇپ قويۇڭلار› دېگىنى بولسا، سىلى ئەرشتىكى خۇدانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، پادىشاھلىقلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پادىشاھ ئالىيلىرى، مېنىڭ نەسىھەتىمنى قوبۇل قىلغايلا، گۇناھلاردىن قول ئۈزۈپ، ئادالەتلىك ئىش قىلغايلا، يامانلىق قىلىشتىن يېنىپ، كەمبەغەللەرگە شاپائەت قىلغايلا. شۇنداق قىلسىلىرى بەلكىم داۋاملىق روناق تاپىدىلا.» بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھ نىبۇكادنەزەرنىڭ بېشىغا كەلدى. ئون ئىككى ئايدىن كېيىن ئۇ بابىلدىكى ئوردىسىنىڭ ئۆگزىسىدە ئايلىنىپ يۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئۇلۇغ بابىل شەھىرىگە قاراڭلار! بۇ پايتەختنى مەن كۈچ-قۇدرىتىم ۋە شان-شەرىپىمنى نامايان قىلىش ئۈچۈن سالدۇرغان ئەمەسمىدىم؟» ئۇنىڭ گېپى تۈگىمەي تۇرۇپلا، ئاسماندىن بىر ئاۋاز كەلدى: «پادىشاھ نىبۇكادنەزەر، مەن ساڭا دەپ قوياي، سېنىڭ پادىشاھلىقىڭ سەندىن تارتىۋېلىندى! سەن ئىنسانلار ئارىسىدىن قوغلىنىپ، ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىرگە ياشايسەن، كالىغا ئوخشاش ئوت-چۆپ يەيسەن. يەتتە مەزگىلدىن كېيىن، سەن دۇنيادىكى پادىشاھلىقلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىنىڭ ئۇلۇغ خۇدا ئىكەنلىكىنى، ئۇ پادىشاھلىقلىرىنى خالىغان ئادەمگە بېرىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىسەن.» بۇ ئىش شۇئان پادىشاھ نىبۇكادنەزەرنىڭ بېشىغا كەلدى. ئۇ ئىنسانلار ئارىسىدىن قوغلاندى، كالىغا ئوخشاش ئوت-چۆپ يېدى. ئۇنىڭ تېنى شەبنەملەردە ھۆل بولدى. ئۇنىڭ چاچلىرى ئۆسۈپ بۈركۈتنىڭ پەيلىرىدەك، تىرناقلىرى ئۆسۈپ قۇشلارنىڭ تىرناقلىرىدەك ئۇزۇن بولۇپ كەتكۈچە بۇ ئەھۋال داۋاملاشتى. بەلگىلەنگەن مۇددەت توشقاندا، مەن نىبۇكادنەزەر كۆزۈمنى ئاسمانغا تىكتىم، كاللام سەگەكلەشتى. ئۇلۇغ خۇدانى مەدھىيەلەپ، مەڭگۈ ياشايدىغان خۇداغا شۈكۈر ئېيتتىم ۋە ئۇنى ئۇلۇغلىدىم: «ئۇ مەڭگۈلۈك ھۆكۈمراندۇر، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچىدۇر. زېمىندىكى پۈتكۈل ئىنسانلار ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەستۇر. جەننەتتىكى پەرىشتىلەر ۋە زېمىندىكى ئىنسانلارنى قانداق قىلىشنى خالىسا، ئۇ شۇنداق قىلالايدۇ. ئۇنىڭغا ھېچكىم قارشى تۇرالمايدۇ. ‹سەن نېمە قىلغانىدىڭ؟› دەپ ئۇنىڭدىن ھېچكىم سورىيالمايدۇ.» كاللام سەگەكلەشكەندىن كېيىن، شان-شەرىپىم، پادىشاھلىقىم ئەسلىگە كەلدى. مەسلىھەتچىلىرىم ۋە ئەمەلدارلىرىم مېنى ئىزدەپ كېلىشتى. مەن قايتىدىن پادىشاھ بولۇپ، شۆھرىتىم بۇرۇنقىدىنمۇ ئاشتى. ھازىر مەن نىبۇكادنەزەر ئەرشتىكى پادىشاھ _ خۇدانى ماختايمەن، مەدھىيەلەيمەن، ئۇلۇغلايمەن. ئۇنىڭ تۇتقان يولى، قىلغان ئىشلىرىنىڭ بارلىقى ھەقتۇر. ئۇ تەكەببۇرلارنىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇرۇشقا قادىردۇر. پادىشاھ بېلشاززار زامانىدا، ئۇ مىڭ نەپەر ئەمەلدارلىرىنى يىغىپ، چوڭ زىياپەت بەردى ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە شاراب ئىچتى. بېلشاززار كەيپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئەجدادى نىبۇكادنەزەر يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدىن ئولجا ئالغان ئالتۇن، كۈمۈش قەدەھلەرنى ئېلىپ كېلىشىنى بۇيرۇدى. ئۇ ئاياللىرى، توقاللىرى ۋە ئەمەلدارلىرى بىلەن بۇ قەدەھلەردە شاراب ئىچىشمەكچى بولۇشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدىن ئولجا ئېلىنغان ئالتۇن، كۈمۈش قەدەھلەرنى ئېلىپ كەلدى. پادىشاھ ئاياللىرى، توقاللىرى ۋە ئەمەلدارلىرى بىلەن شاراب ئىچىشتى. ئۇلار شاراب ئىچىشىۋاتقاندا، ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈر، ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسالغان بۇتلارنى مەدھىيەلەشتى. شۇ چاغدا تۇيۇقسىز بىر ئادەم قولى پەيدا بولۇپ، ئوردىدىكى چىراغنىڭ نۇرى چۈشكەن ھاكلانغان تامغا خەت يېزىشقا باشلىدى. پادىشاھ خەت يېزىۋاتقان قولنى كۆرۈپ، ۋۇجۇدىنى قورقۇنچ باستى. چىرايى تاتىرىپ، پۇتلىرى ھالسىزلىنىپ، تىزلىرى تىترەشكە باشلىدى. پادىشاھ ۋارقىراپ، پالچىلارنى، باخشىلارنى ۋە مۇنەججىملەرنى چاقىرتىپ كەلدى. ئۇ بابىلنىڭ ھۆكۈمالىرىغا مۇنداق دېدى: _ كىمكى بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ، مەنىسىنى يېشىپ بېرەلىسە، ئۇنىڭغا سۆسۈن رەڭلىك شاھانە تون كىيدۈرۈلۈپ، بوينىغا ئالتۇن زەنجىر تاقىلىپ، پادىشاھلىقنىڭ ئۈچىنچى چوڭ ئەمەلدارى قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھنىڭ بارلىق ھۆكۈمالىرى كەلدى، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ، مەنىسىنى يېشىپ بېرەلمىدى. پادىشاھ بېلشاززار تېخىمۇ قورقۇپ، يۈزلىرىدە قان قالمىدى. ئەمەلدارلىرى نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالدى. خاننىڭ ئانىسى پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭىنى ئاڭلاپ، زىياپەت زالىغا كىردى. ئۇ پادىشاھقا مۇنداق دېدى: _ پادىشاھ ئالىيلىرى مەڭگۈ ياشىغايلا! قورقۇپ، رەڭگىلىرى ئۆڭۈپ كەتمىسۇن! پادىشاھلىقلىرىدا بىر ئادەم بار، ئۇنىڭدا مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى بار. بوۋىلىرى نىبۇكادنەزەر ھايات چېغىدا، بۇ ئادەمنى ئەقىل-پاراسەتلىك، ئىلاھلاردەك دانا دەپ بىلەتتى. بوۋىلىرى ئۇنى سېھىرگەرلەر، پالچىلار، باخشىلار ۋە مۇنەججىملەرنىڭ بېشى قىلىپ تەيىنلىگەنىدى. بۇ ئادەمنىڭ ئىسمى دانىيال بولۇپ، بوۋىلىرى ئۇنىڭغا بېلتىشاززار دەپ ئىسىم قويغانىدى. ئۇنىڭدا ئالاھىدە ئەقىل ۋە ئىلىم-ھېكمەت بار ئىدى. ئۇ چۈشكە تەبىر بېرەلەيتتى، سىرلارنى ئاچالايتتى ۋە قىيىن مەسىلىلەرنى يېشەلەيتتى. ئۇنى چاقىرىپ كېلىڭلار، ئۇ چوقۇم بۇ خەتلەرنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بېرەلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ دانىيالنى ھۇزۇرىغا چاقىرتىپ كەلدى. پادىشاھ ئۇنىڭغا: _ سەن شاھ بوۋام يەھۇدىيە زېمىنىدىن ئەسىرگە ئېلىپ كەلگەنلەر ئىچىدىكى دانىيال بولامسەن؟ ئاڭلىسام سەندە ئىلاھلارنىڭ روھى بار ئىكەن، ئىنتايىن ئەقىل-پاراسەتلىك، دانا ئىكەنسەن. مەن بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ، مەنىسىنى يېشىش ئۈچۈن ھۆكۈمالار ۋە پالچىلارنى ئالدىمغا ھازىر قىلغانىدىم، ئەمما ئۇلار ھېچنېمە دېيەلمىدى. مەن سېنىڭ چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىغانلىقىڭنى ۋە قىيىن مەسىلىلەرنى يېشەلەيدىغانلىقىڭنى ئاڭلىدىم. ئەگەر سەن بۈگۈن بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ، ئۇنىڭ مەنىسىنى ماڭا يېشىپ بېرەلىسەڭ، ساڭا سۆسۈن رەڭلىك شاھانە تون كىيدۈرۈپ، بوينۇڭغا ئالتۇن زەنجىر تاقاپ، پادىشاھلىقنىڭ ئۈچىنچى چوڭ ئەمەلدارى قىلىمەن، _ دېدى. ئەمما دانىيال پادىشاھقا مۇنداق دېدى: _ سوۋغىلىرى ۋە ئىنئاملىرى ئۆزلىرىدە قالسۇن ياكى باشقىلارغا بەرسىلە! مەن سىلىگە خەتلەرنى ئوقۇپ، مەنىسىنى يېشىپ بېرەي. پادىشاھ ئالىيلىرى، ئۇلۇغ خۇدا بوۋىلىرى نىبۇكادنەزەرنى پادىشاھ قىلىپ، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ ۋە ئۇلۇغلۇقنى بەرگەنىدى. خۇدا ئۇنىڭغا بەرگەن ئۇلۇغلۇق شۇنچىلىك يۈكسەك ئىدىكى، ھەممە خەلق، ھەممە مىللەت ۋە ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغانلار ئۇنىڭدىن شۇنداق قورقۇپ، تىترەپ تۇراتتى. ئۇنىڭ كىمنى ئۆلتۈرگۈسى كەلسە، شۇنى ئۆلتۈرەتتى، كىمنى ھايات قالدۇرغۇسى كەلسە، شۇنى ھايات قالدۇراتتى. كىمنى ئەزىزلىگۈسى كەلسە، شۇنى ئەزىز قىلاتتى، كىمنى خار قىلغۇسى كەلسە، شۇنى خار قىلاتتى. ئەمما ئۇ ھاكاۋۇر، جاھىل ئىدى. شۇڭا ئۇ تەخت ۋە ئۇلۇغلۇقتىن مەھرۇم قىلىندى. ئۇ ئىنسانلار ئارىسىدىن قوغلىنىپ، ھايۋانلارچە تەپەككۇر قىلىدىغان بولدى، ياۋايى ئېشەكلەر بىلەن بىرگە ياشىدى. كالىغا ئوخشاش ئوت-چۆپلەرنى يېدى. تېنى شەبنەملەردە ھۆل بولدى. ئۇ ئاخىرىدا پۈتۈن دۇنيادىكى پادىشاھلىقلارنىڭ ھۆكۈمرانىنىڭ ئۇلۇغ خۇدا ئىكەنلىكىنى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقلارغا ئۆزى خالىغان ئادەمنى تەيىنلەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. ئى پادىشاھ بېلشاززار، سىلى ئۇنىڭ ئەۋلادى، سىلى گەرچە بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلسىلىمۇ، ئەمما ئۆزلىرىنى بىلەلمىدىلە. سىلى ھاكاۋۇرلىشىپ، ئەرشتىكى ئىگىمىزگە قارشى ئىش قىلدىلا، ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى قەدەھلەرنى ئېلىپ كېلىپ، ئاياللىرى، توقاللىرى ۋە ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرگە بۇ قەدەھلەردە شاراب ئىچىشتىلە. سىلى يەنە ھېچنېمىنى كۆرەلمەيدىغان، ئاڭلىيالمايدىغان، ھېچنېمىنى بىلمەيدىغان ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈر، ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسالغان بۇتلارنى مەدھىيەلىدىلە. ئەمما سىلىگە ھايات بەرگۈچى ۋە ھايات يوللىرىنى بەلگىلىگۈچى خۇدانى ئۇلۇغلىمىدىلا. شۇنىڭ ئۈچۈن خۇدا قول ئەۋەتىپ، تامغا خەت يازدۇردى. تامغا: «سان، سان، ئېغىرلىق، بۆلۈش » دەپ يېزىلغاندۇر. بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچىدۇر: سان _ پادىشاھلىقلىرىنىڭ ئاخىرلىشىدىغان كۈنىنىڭ ساناقلىقلا قالغانلىقىنى، ئېغىرلىق _ تارازىدا تارتىلىپ بولغانلىقلىرىنى، نېسىۋىلىرىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، بۆلۈش _ پادىشاھلىقلىرىنىڭ مىدىيالىقلار بىلەن پېرسىيەلىكلەرگە بۆلۈنۈپ بېرىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بېلشاززار پەرمان چۈشۈرۈپ، دانىيالغا سۆسۈن رەڭلىك شاھانە تون كىيدۈردى، ئۇنىڭغا ئالتۇن زەنجىر تاقاپ، پادىشاھلىقنىڭ ئۈچىنچى چوڭ ئەمەلدارلىقىنى بەردى. دەل شۇ كۈنى كېچىدە، بابىلنىڭ پادىشاھى بېلشاززار ئۆلتۈرۈلدى. مىدىيالىق دارىئوس ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى تارتىۋالدى. شۇ چاغدا دارىئوش 62 ياشلاردا ئىدى. پادىشاھ دارىئوس 120 نەپەر ئۆلكە باشلىقىنى تەيىنلەپ، پۈتۈن پادىشاھلىقنى ئىدارە قىلىشنى قارار قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن دانىيال بىلەن يەنە باشقا ئىككى ئادەمنى ئۇلارغا باش قىلىپ، ۋەزىرلىككە تەيىنلىدى. دانىيال ئالاھىدە ئەقىل-پاراسەتلىك بولغاچقا، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ باشقا ئىككى ۋەزىر ۋە ئۆلكە باشلىقلىرىدىن ئىقتىدارلىق ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. شۇڭا پادىشاھ دانىيالنى ئۆزىنىڭ پۈتۈن پادىشاھلىقىنى باشقۇرۇشقا قويۇشنى پىلانلىدى. دانىيالنىڭ ھەمراھلىرى ۋە ئۆلكە باشلىقلىرى ئۇنىڭ پادىشاھلىقتىكى ئىشلىرىدىن بىرەر ئەيىب، سەۋەنلىك تېپىشقا ئۇرۇندى. ئەمما دانىيال راستچىل، پاك ۋە ئەستايىدىل بولغاچقا، ئۇلار ئۇنىڭدىن ھېچقانداق قۇسۇر تاپالمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار: _ ئەگەر بىز دانىيالدىن قۇسۇر تاپماقچى بولساق، پەقەت ئۇنىڭ دىنىي ئېتىقادىدىن تېپىشىمىز كېرەك ئىكەن، _ دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئىككى ۋەزىر ۋە ئۆلكە باشلىقلىرى بىرلىشىپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ، مۇنداق دېيىشتى: _ پادىشاھ دارىئوس ئالىيلىرى مەڭگۈ ياشىغايلا! پادىشاھلىقلىرىنىڭ ۋەزىرلىرى، ئۆلكە باشلىقلىرى، ۋالىيلىرى، مەسلىھەتچىلىرى ۋە ھاكىملىرى بولغان بىز مەسلىھەتلىشىپ، پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ مۇنداق پەرمان چۈشۈرۈشلىرىگە كېلىشتۇق. سىلى: «30 كۈن ئىچىدە ھەرقانداق بىر ئادەم مەن پادىشاھ ئالىيلىرىدىن باشقا ھەرقانداق ئىلاھ ياكى ئادەمگە دۇئا قىلسا، شىر ئۇۋىسىغا تاشلانسۇن، بۇ پەرمان قەتئىي ئىجرا قىلىنسۇن» دەپ پەرمان چۈشۈرسىلە. پادىشاھ ئالىيلىرى، بۈگۈنلا يازما پەرمان چۈشۈرسىلە، ئۇنى ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ. مىدىيالىقلار ۋە پېرسىيەلىكلەرنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن پەرماننى ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ دارىئوس شۇنداق بىر يازما پەرماننى چۈشۈردى. دانىيال بۇ پەرماننىڭ چۈشكىنىنى ئاڭلاپ، ئۆيىگە قايتتى. ئۇنىڭ ئۆيىدە بىر بالىخانا بار ئىدى. بالىخانىنىڭ دېرىزىسى يېرۇسالېم تەرەپكە قاراپ ئېچىلغانىدى. ئۇ بۇرۇنقىدەكلا دېرىزىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ، كۈندە ئۈچ قېتىم ئۆزى ئېتىقاد قىلغان خۇداغا دۇئا قىلىپ، ئىبادەت قىلىۋەردى. پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرگەن ھېلىقى ئەمەلدارلار دانىيالنىڭ ئۆيىگە بىللە بېرىپ، ئۇنىڭ ئۆز خۇداسىغا ئىلتىجا قىلىپ، دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇلار شۇ ھامان پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ، پەرمان ھەققىدە توختالدى. ئۇلار پادىشاھقا مۇنداق دېدى: _ پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى: «30 كۈن ئىچىدە ھەرقانداق بىر ئادەم مەن پادىشاھ ئالىيلىرىدىن باشقا ھەرقانداق ئىلاھ ياكى ئادەمگە دۇئا قىلسا، شىر ئۇۋىسىغا تاشلانسۇن» دەپ پەرمان چۈشۈرگەنىدىلە. _ شۇنداق، مۇشۇنداق پەرمان چۈشۈرگەنىدىم. مىدىيالىقلار ۋە پېرسىيەلىكلەرنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن پەرماننى ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ، _ دېدى پادىشاھ. ئۇلار پادىشاھقا يەنە: _ يەھۇدىيە زېمىنىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان دانىيال سىلى ۋە سىلى چۈشۈرگەن پەرمانغا بويسۇنماي، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم ئۆزىنىڭ ئىلاھىغا دۇئا قىلىۋاتىدۇ، _ دېدى. پادىشاھ بۇ گەپنى ئاڭلاپ، قاتتىق بىئارام بولدى ۋە دانىيالنى قانداق قۇتقۇزۇۋېلىش ھەققىدە ئويلاندى. ئۇ كۈن پاتقۇچە دانىيالنى قۇتقۇزۇۋېلىشنىڭ ئامالىنى ئويلىدى. كۈن پاتقاندا دانىيالنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇچىلار بىرلىشىپ پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا يەنە كەلدى ۋە پادىشاھقا مۇنداق دېدى: _ پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى بىلىلا، مىدىيالىقلار ۋە پېرسىيەلىكلەرنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن پادىشاھ چۈشۈرگەن پەرماننى ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ دانىيالنى تۇتۇپ كېلىپ، شىر ئۇۋىسىغا تاشلاشقا بۇيرۇدى ھەمدە پادىشاھ دانىيالغا مۇنداق دېدى: _ سەن ئىخلاس بىلەن چوقۇنىدىغان خۇدا سېنى قۇتقۇزغاي! بىر قورام تاش بىلەن ئۇۋا ئېغىزى ئېتىپ قويۇلدى. ھېچكىمنىڭ دانىيالنى قۇتقۇزۇۋالماسلىقى ئۈچۈن، پادىشاھ قورام تاشقا ئۆزىنىڭ ئۈزۈك مۆھۈرى بىلەن ئەمەلدارلىرىنىڭ مۆھۈرلىرىنىمۇ باستى. پادىشاھ ئوردىغا يېنىپ كېلىپ، كېچىچە بىر نەرسە يېمىدى، كۆڭۈل ئاچمىدى ھەم ئۇخلىمىدى. ئەتىسى سۈبھى بىلەن پادىشاھ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئالدىراپ شىر ئۇۋىسىغا يول ئالدى. ئۇ شىر ئۇۋىسىنىڭ يېنىغا كەلگەندە، قايغۇلۇق ئاۋاز بىلەن: _ دانىيال، مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ خىزمەتكارى، سېنىڭ ئىخلاس بىلەن چوقۇنىدىغان خۇدايىڭ سېنى شىرلاردىن قۇتقۇزۇۋالدىمۇ؟ _ دەپ سورىدى. دانىيال پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: _ پادىشاھ ئالىيلىرى مەڭگۈ ياشىغايلا! مېنىڭ خۇدايىم ئۆز پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ، شىرلارنىڭ ئېغىزلىرىنى ئېتىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن شىرلار ماڭا زىيانكەشلىك قىلالمىدى. چۈنكى مەن خۇدا ئالدىدا پاك ئىدىم. پادىشاھىم، سىلىنىڭ ئالدىلىرىدىمۇ خاتالىق ئۆتكۈزمىگەنمەن. پادىشاھ ئىنتايىن خۇشال بولدى ۋە دانىيالنى شىر ئۇۋىسىدىن تارتىپ چىقىرىشقا پەرمان قىلدى. دانىيال ساق-سالامەت ئۇۋىدىن چىقتى. چۈنكى ئۇ خۇداسىغا ئىشەنگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ دانىيالنىڭ ئۈستىدىن يامان نىيەت بىلەن ئەرز قىلغۇچىلارنى خوتۇن-بالىلىرى بىلەن قوشۇپ، شىر ئۇۋىسىغا تاشلاشقا پەرمان قىلدى. ئۇلار تېخى شىر ئۇۋىسىنىڭ تېگىگە يەتمەي تۇرۇپلا، شىرلار ئۇلارغا ئېتىلىپ كېلىپ، سۆڭەكلىرىنى چايناپ، ئېزىۋەتتى. پادىشاھ دارىئوس يەر يۈزىدىكى ھەرقايسى خەلق، ھەرقايسى مىللەت، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغانلارغا مەكتۇپ يوللاپ مۇنداق دېدى: «سىلەرگە ئامانلىق يار بولسۇن! مەن شۇنداق پەرمان جاكارلايمەنكى، مېنىڭ پادىشاھلىقىمدىكى ھەربىر ئادەم دانىيال ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدادىن ئەيمىنىشى ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. چۈنكى ئۇ مەڭگۈ ھايات خۇدادۇر، ئۇ مەڭگۈ مەۋجۇتتۇر. ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ھەرگىز ۋەيران بولماستۇر، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى مەڭگۈ مەۋجۇتتۇر. ئۇ قۇتقۇزغۇچىدۇر، نىجاتكاردۇر، ئۇ ئاسمان ۋە زېمىندىكى مۆجىزە ۋە بېشارەتلەرنىڭ ئىگىسىدۇر. ئۇ دانىيالنى شىرلاردىن قۇتقۇزدى.» پادىشاھ دارىئوس ۋە پېرسىيەلىك پادىشاھ كورەشنىڭ زامانلىرىدا دانىيالنىڭ مەرتىۋىسى ئۈستۈن بولدى. دېڭىزدىن بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان غايەت چوڭ تۆت دىۋە چىقىپ كەلدى. بىرىنچىسى شىرغا ئوخشايتتى، ئەمما بۈركۈتنىڭكىدەك قانىتى بار ئىدى. مەن كۆزىتىپ تۇرغىنىمدا، ئۇنىڭ قاناتلىرى سۇندۇرۇپ ئېلىۋېتىلدى. ئۇنى يۆلىگەنىدى، ئۇ خۇددى ئادەمدەك ئىككى پۇتى بىلەن ئۆرە تۇردى. ئۇنىڭغا ئىنساننىڭ تەپەككۇرى بېرىلگەنىدى. ئىككىنچى دىۋە ئېيىققا ئوخشايتتى. ئۇ كەينى پۇتلىرى بىلەن ئۆرە تۇراتتى. چىشلىرى ئارىسىدا ئۈچ تال قوۋۇرغا سۆڭەك چىشلەكلىك تۇراتتى. بىر ئاۋاز ئۇنىڭغا: «قېنى، كۆپرەك گۆش يېگىن!» دەۋاتاتتى. ئاندىن كېيىن ئۈچىنچى دىۋىنى كۆردۈم، ئۇ يىلپىزغا ئوخشايتتى. ئۇنىڭ دۈمبىسىدە قۇشلارنىڭ قانىتىدەك تۆت تال قانات بار ئىدى. ئۇنىڭ يەنە تۆت بېشى بولۇپ، ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى بېرىلگەنىدى. شۇ ئەسنادا تۆتىنچى دىۋە پەيدا بولدى. ئۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ۋە كۈچلۈك بولۇپ، ناھايىتى ۋەھىمىلىك ئىدى. ئۇ چوڭ تۆمۈر چىشلىرى بىلەن ئولجىلىرىنى پارچە-پارچە قىلىپ، يالماپ يۇتاتتى، ئاشقانلىرىنى دەسسەپ چەيلەيتتى. ئۇ ئالدىنقى ئۈچ دىۋىگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئون مۈڭگۈزى بار ئىدى. مەن بۇ مۈڭگۈزلەرگە قاراپ تۇرغىنىمدا، مۈڭگۈزلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن بىر كىچىك مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىقتى. بۇ مۈڭگۈز ئەسلىدىكى ئون مۈڭگۈزنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ مۈڭگۈزنى يىلتىزلىرى بىلەن بىللە قومۇرۇپ تاشلىدى. بۇ مۈڭگۈزنىڭ ئادەمگە ئوخشاش كۆزى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئېغىزى تەكەببۇرلارچە پو ئېتىۋاتاتتى. مەن قاراپ تۇراتتىم، بىرقانچە تەختلەر ئۆز ئورۇنلىرىغا قويۇلدى، ئەزەلدىن مەۋجۇت بولغۇچى ئۆز تەختىدە ئولتۇردى. ئۇنىڭ كىيىملىرى قاردەك، چاچلىرى ئاق يۇڭدەك ئاپئاق ئىدى. ئۇنىڭ تەختى ئوت يالقۇنىدىن بولۇپ، كۆيۈۋاتقان چاقلارنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. ئوت ئۇنىڭ ھۇزۇرىدىن كەلكۈندەك يوپۇرۇلۇپ چىقاتتى. ئۇنىڭ ئەتراپىدا مىڭلىغانلار خىزمەت قىلاتتى، ئالدىدا سان-ساناقسىزلار كۈتۈپ تۇراتتى. سوئال-سوراق باشلىنىپ، پۈتۈكلەر ئېچىلدى. مەن كۆزىتىپ تۇراتتىم، ھېلىقى كىچىك مۈڭگۈز تېخىچە پو ئېتىۋاتاتتى. شۇ ئەسنادا تۆتىنچى دىۋە ئۆلتۈرۈلدى. ئۇنىڭ جەسىتى ۋەيران قىلىنىپ، يالقۇنلاۋاتقان ئوتقا تاشلاندى. قالغان ئۈچ دىۋىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى تارتىۋېلىنىپ، يەنە بىر مەزگىل ياشاشقا يول قويۇلدى. چۈشۈمدە ئىنسانئوغلىغا ئوخشايدىغان بىرسىنىڭ بۇلۇتلار بىلەن ئەزەلدىن مەۋجۇت بولغۇچىنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇ ئەزەلدىن مەۋجۇت بولغۇچىنىڭ ھۇزۇرىغا باشلاپ كىرىلدى. ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانلىق، شان-شەرەپ ۋە سەلتەنەت ئاتا قىلىندى. ھەممە خەلق، ھەممە مىللەت، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغانلار ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇلدى. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئەبەدىيدۇر، پادىشاھلىقى مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدۇ، ھېچقاچان گۇمران بولمايدۇ. مەن بۇ غايىبانە ئالامەتلەردىن قورقۇپ، خاتىرجەمسىزلەندىم. شۇنىڭ بىلەن مەن تەخت يېنىدا تۇرغان بىر پەرىشتىدىن بۇلارنىڭ ئېنىق مەنىسىنى سورىدىم. ئۇ ماڭا بۇلارنىڭ مەنىسىنى دەپ بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ تۆت دىۋە بولسا يەر يۈزىدە بارلىققا كېلىدىغان تۆت پادىشاھلىقتۇر. ئاخىرىدا ئۇلۇغ خۇدانىڭ تەقۋادارلىرى خۇدانىڭ بۇ پادىشاھلىقىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا مەڭگۈ ئىگە بولىدۇ.» شۇ چاغدا مەن تۆتىنچى دىۋىنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېنىق بىلىۋېلىشنى ئويلىدىم. ئۇ باشقا ئۈچ دىۋىگە ئوخشىمايتتى. ئۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ئىدى. ئۇ تۆمۈر چىشلىرى، تۇچ تىرناقلىرى بىلەن ئولجىلىرىنى پارچە-پارچە قىلىپ، يالماپ يۇتاتتى، ئاشقانلىرىنى دەسسەپ چەيلەيتتى. مەن يەنە ئۇنىڭ بېشىدىكى ئون تال مۈڭگۈز ۋە كېيىن ئۆسكەن مۈڭگۈزنىڭ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ مۈڭگۈزنى يۇلۇپ تاشلىغانلىقتىن ئىبارەت ئىشلارنى بىلمەكچى بولدۇم. كىچىك مۈڭگۈزنىڭ ئادەمگە ئوخشاش كۆزى ۋە ئېغىزى بار بولۇپ، تەكەببۇرلارچە پو ئاتاتتى. ئۇنىڭ تەسىرى باشقا مۈڭگۈزلەرگە قارىغاندا چوڭراق ئىدى. مەن كۆزىتىپ تۇرغىنىمدا، بۇ مۈڭگۈز خۇدانىڭ تەقۋادارلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئەزەلدىن مەۋجۇت بولغۇچى _ ئۇلۇغ خۇدا كېلىپ، تەقۋادارلىرى ئۈچۈن ئادالەتنى ياقىلىدى. تەقۋادارلارنىڭ پادىشاھلىققا ئېرىشىدىغان كۈنلىرى يېتىپ كەلدى. ئۇ پەرىشتە مۇنداق دېدى: «تۆتىنچى دىۋە بولسا يەر يۈزىدە بارلىققا كېلىدىغان تۆتىنچى پادىشاھلىق بولۇپ، باشقا پادىشاھلىقلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ پۈتۈن دۇنيانى يالماپ يۇتۇپ، دەسسەپ-چەيلەپ، پارە-پارە قىلىدۇ. ئون مۈڭگۈز بولسا بۇ پادىشاھلىقتىكى ئون پادىشاھنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلاردىن كېيىن يەنە بىر پادىشاھ بارلىققا كېلىدۇ. ئۇ ئىلگىرىكى باشقا پادىشاھلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ ئون پادىشاھنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ پادىشاھنى مەغلۇپ قىلىدۇ. ئۇ ئۇلۇغ خۇداغا قارشى گەپ قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ تەقۋادارلىرىنى ئېزىدۇ. خۇدا بېكىتكەن مۇقەددەس بايراملار ۋە قانۇنلارنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ. تەقۋادارلار ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بىر مەزگىل، ئىككى مەزگىل ۋە يەنە يېرىم مەزگىل تۇرىدۇ. ئاندىن ئەرشتە سوئال-سوراق باشلىنىدۇ. زالىم پادىشاھنىڭ ھوقۇقى تارتىۋېلىنىپ، مەڭگۈلۈك يوق قىلىنىدۇ. يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنىڭ ھوقۇقى، ھەيۋىسى ۋە سەلتەنىتى ئۇلۇغ خۇدانىڭ تەقۋادارلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ پادىشاھلىقى مەڭگۈلۈك بولىدۇ، ھەممە ھۆكۈمرانلار ئۇلارغا خىزمەت قىلىدۇ ۋە بويسۇنىدۇ.» چۈشۈم مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى. قورققىنىمدىن چىرايىمنىڭ تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، لېكىن بۇ ئىشلارنى پەقەت ئۆزۈملا بىلىپ قالدىم. پادىشاھ بېلشاززار ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلى، مەن دانىيال ئىككىنچى بىر غايىبانە ئالامەتنى كۆردۈم. مەن ئېلام ئۆلكىسى ئۇلاي قانىلى بويىدىكى سۇزا قەلئەسىدە تۇرغۇدەكمەن. ئالدىمدىكى ئۇلاي قانىلى بويىدا ئۇزۇن قوش مۈڭگۈزلۈك بىر قوچقار تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ بىر مۈڭگۈزى يەنە بىر مۈڭگۈزىدىن ئۇزۇنراق ئىدى، ئۇزۇن مۈڭگۈزى كېيىن ئۆسۈپ چىققانىدى. مەن قوچقارنىڭ غەرب، شىمال، جەنۇب تەرەپلەرگە ئۆزىنى ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ھېچقانداق ھايۋان ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمىدى ھەم ئۇلارنى ئۇنىڭ قۇدرىتىدىن ھېچكىم قۇتقۇزالمىدى. ئۇ نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىپ، بارغانچە مەغرۇرلىشىپ كەتتى. مەن نېمە ئىش بولغاندۇ، دەپ ئويلىنىپ تۇرغىنىمدا، غەربتىن بىر تېكە يېتىپ كەلدى. ئۇنىڭ تېزلىكىدىن پۇتلىرى يەرگە تەگمەي، پۈتۈن زېمىننى ئايلىنىپ چىققاندەك ئىدى. ئۇنىڭ ئىككى كۆزىنىڭ ئوتتۇرىسىدا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بىر مۈڭگۈزى بار ئىدى. ئۇ ئۇدۇل كۆرۈنۈپ تۇرغان قانالنىڭ بويىدىكى قوش مۈڭگۈزلۈك قوچقارنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە ئۇنىڭغا شىددەت بىلەن ئېتىلدى. مەن، تېكىنىڭ قوچقارغا غەزەپ بىلەن ئېتىلىپ، ئۇنىڭ قوش مۈڭگۈزىنى سۇندۇرۇپ تاشلىغانلىقىنى كۆردۈم. شۇنىڭ بىلەن قوچقار ئۇنىڭغا قارشىلىق قىلالمىدى. تېكە ئۇنى يەرگە يىقىتتى ۋە پۇتلىرى بىلەن دەسسىدى. ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدىن قوچقارنى ھېچكىم قۇتقۇزالمىدى. بۇ تېكە ئىنتايىن مەغرۇرلىنىپ كەتكەنىدى. بىراق ئۇنىڭ كۈچى تازا ۋايىغا يەتكەن ۋاقتىدا، مۈڭگۈزى سۇنۇپ كەتتى. ئەمما شۇ مۈڭگۈزنىڭ ئورنىدىن يەنە يەر يۈزىنىڭ تۆت يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان، ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان تۆت تال مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىقتى. بۇ تۆت مۈڭگۈز ئىچىدىكى بىر مۈڭگۈزدىن يەنە بىر كىچىك مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىقتى. ئۇ جەنۇب، شەرق ۋە گۈزەل ئىسرائىلىيە زېمىنىغا قاراپ كېڭىيىپ، كۈچلىنىپ باراتتى. ئۇنىڭ قۇدرىتى ئەرشتىكى ساماۋى قوشۇنغا زەربە بېرىشكە بېرىپ يەتتى، ھەتتا ساماۋى قوشۇندىكى بەزى پەرىشتىلەر ۋە يۇلتۇزلارنى ئۇرۇپ، يەرگە چۈشۈردى ۋە دەسسەپ چەيلىدى. ئۇ ئەرشتىكى ساماۋى قوشۇننىڭ سەركەردىسى بولغان خۇدا بىلەن قارشىلىشىپ، ئۇنىڭغا قىلىنىدىغان كۈندىلىك قۇربانلىقلارنى توختاتتى ۋە ئۇنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىنى بۇلغىدى. پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى گۇناھ قىلغانلىقى ئۈچۈن مۈڭگۈزگە يېڭىلگەنىدى. شۇڭا كۈندىلىك قۇربانلىقلار توختىدى، ھەقىقەت دەپسەندە بولدى. بۇ مۈڭگۈزنىڭ ھەممە ئىشلىرى شۇنچىلىك راۋان بولۇۋاتاتتى. مەن ئىككى پەرىشتىنىڭ ئۆزئارا سۆزلىشىۋاتقىنىنى ئاڭلىدىم. بىرسى: «بۇ ۋەھىيدە دېيىلگەن ئىشلار قاچانغىچە داۋام ئېتەر؟ يىرگىنچلىك ئىشلار قاچانغىچە كۈندىلىك قۇربانلىقنىڭ ئورنىنى ئىگىلەر؟ ئەرشتىكى ساماۋى قوشۇن ۋە مۇقەددەس ئىبادەتخانا قاچانغىچە دەپسەندە بولار؟» دەپ سورىدى. يەنە بىرى: «2300 كېچە ۋە كۈندۈزدىن كېيىن ئىبادەتخانا ئەسلىگە كېلىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى. مەن دانىيال غايىبانە ئالامەتتە زاھىر بولغان بۇ ئىشلارنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلمەكچى بولدۇم. شۇ چاغدا تۇرقى ئادەمگە ئوخشايدىغان بىرسى ئالدىمدا پەيدا بولدى. شۇ پەيتتە مەن: «جەبرائىل، بۇ غايىبانە ئالامەتتە زاھىر بولغان ئىشلارنىڭ مەنىسىنى بۇ ئادەمگە ئېيتىپ بەرگىن» دېگەن بىر ئاۋازنىڭ ئۇلاي قانىلىدىن چىققانلىقىنى ئاڭلىدىم. جەبرائىل ئالدىمغا كەلدى. مەن قورقۇپ، يەرگە باش قويدۇم. ئۇ ماڭا: _ ئەي ئادەم، شۇنى بىلگىنكى، بۇ غايىبانە ئالامەتتە زاھىر بولغان ئىشلار زامان ئاخىرىنىڭ بېشارىتىدۇر، _ دېدى. ئۇ ماڭا گەپ قىلىۋاتقاندا، مەن ھوشۇمدىن كەتكەندەك بولۇپ، يەردە دۈم ياتتىم. ئۇ ماڭا قولىنى تەگكۈزۈپ، تۇرغۇزۇپ قويدى-دە، مۇنداق دېدى: _ مەن ساڭا پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى كەلگەندىن كېيىن نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى دەپ بېرەي. چۈنكى بۇ غايىبانە ئالامەتتە زاھىر بولغان ئىشلار زامان ئاخىرىدىن بېشارەتتۇر. سەن كۆرگەن قوش مۈڭگۈزلۈك قوچقار مىدىيا ۋە پېرسىيە پادىشاھلىقلىرىنى كۆرسىتىدۇ. تېكە يۇنان پادىشاھلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئىككى كۆزى ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ مۈڭگۈز بولسا يۇنان پادىشاھلىقىنىڭ تۇنجى پادىشاھىدۇر. سۇنۇپ كەتكەن بىر مۈڭگۈزنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن تۆت مۈڭگۈز بولسا، بۇ پادىشاھلىقتىن بۆلۈنۈپ چىقىدىغان تۆت پادىشاھلىقتۇر. بۇلار ئالدىنقىسىدەك قۇدرەتلىك بولمايدۇ. بۇ تۆت پادىشاھلىقنىڭ ئاخىرقى يىللىرى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى چېكىدىن ئېشىپ، ياۋۇز، ھىيلىگەر بىر پادىشاھ مەيدانغا كېلىدۇ. ئۇنىڭ كۈچى شۇنچىلىك زورايسىمۇ، ئەمما بۇ ئۆزىنىڭ كۈچى بىلەن بولمايدۇ. ئۇ كۆپ ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ. نېمە ئىش قىلسا شۇنىڭدا غەلىبە قىلىدۇ. ئۇ قۇدرەتلىكلەرنىمۇ، خۇدانىڭ تەقۋادارلىرىنىمۇ ۋەيران قىلىدۇ. ئۇ ئىنتايىن ھىيلىگەر بولۇپ، شۇنچىلىك ھاكاۋۇرلىشىپ كېتىدۇ. كۆپ ئادەملەرگە ئاگاھلاندۇرماستىن تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى ۋەيران قىلىدۇ. ئۇ ھەتتا ئەڭ قۇدرەتلىك پادىشاھ بولغان خۇداغىمۇ قارشى چىقىدۇ. بىراق ئۇ ئاخىرى ۋەيران بولىدۇ، ئەمما ئىنساننىڭ قولى بىلەن بولمايدۇ. _ يۇقىرىدا ساڭا دېيىلگەن كەچلىك ۋە ئەتىگەنلىك قۇربانلىقلار توغرىسىدىكى ۋەھىي ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەمما ھازىر ئۇنى سىر ساقلا، چۈنكى ئۇ ئەمەلگە ئاشقۇچە ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ. مەن دانىيال ماغدۇرسىزلىنىپ، بىرقانچە كۈن ئاغرىپ، يېتىپ قالدىم. كېيىن يەنە پادىشاھنىڭ خىزمىتىگە كەلدىم. ئەمما بۇ غايىبانە ئالامەتتىن تېڭىرقاپ قېلىپ، مەنىسىنى چۈشىنەلمىدىم. مىدىيالىق ئاخاشۋېروشنىڭ ئوغلى دارىئوس بابىلغا پادىشاھ بولدى. ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ بىرىنچى يىلى، مەن دانىيال مۇقەددەس يازمىلاردىن پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەر يەرەمىياغا ۋەھىي قىلغان: «يېرۇسالېم ۋەيرانچىلىقتا 70 يىل تۇرۇشى كېرەك» دېگەن سۆزىنى ئوقۇدۇم. شۇنىڭ بىلەن مەن ئىگەم خۇداغا يۈزلىنىپ، روزا تۇتۇپ، ماتاغا يۆگىنىپ، كۈلگە مىلىنىپ، ئۇنىڭغا ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلدىم. دۇئايىمدا گۇناھلىرىمىزنى پەرۋەردىگار خۇدايىمغا ئىقرار قىلدىم: «ئى ئىگەم خۇدا، سەن ئۇلۇغ ۋە ھەيۋەتلىكسەن! سېنى سۆيگەن ۋە ئەمرلىرىڭگە ئىتائەت قىلغانلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، ئەھدەڭدە تۇرىسەن. بىز گۇناھ ئۆتكۈزدۇق ۋە خاتالاشتۇق. بىز يامان يولغا ماڭدۇق، ساڭا ئاسىيلىق قىلدۇق؛ سېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىڭدىن چەتنەپ كەتتۇق. سېنىڭ خىزمەتكارلىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىدۇق. ئۇلار سېنىڭ نامىڭ بىلەن پادىشاھلىرىمىزغا، يولباشچىلىرىمىزغا، ئەجدادلىرىمىزغا ۋە زېمىنىمىزدىكى بارلىق كىشىلەرگە سۆز قىلغانىدى. ئى ئىگەم، سەن ھەققانىيدۇرسەن. ئەمما بۈگۈن بىزنىڭ ساڭا ئىتائەت قىلماسلىقىمىز سەۋەبىدىن يېقىن ۋە يىراققا قوغلانغانلارنىڭ، يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقان بارلىق ئىسرائىللارنىڭ يۈزىمىز نومۇستىن قىزارماقتا. ئى پەرۋەردىگار، بىز ۋە بىزنىڭ پادىشاھلىرىمىز، يولباشچىلىرىمىز ۋە ئەجدادلىرىمىز سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكىمىزدىن نومۇس قىلماقتىمىز. ئىگىمىز خۇدا، بىز ساڭا ئاسىيلىق قىلساقمۇ، سەن يەنىلا رەھىمدىل ۋە ئەپۇچان. بىز ساڭا ئىتائەت قىلمىدۇق. ئى پەرۋەردىگار، بىزنىڭ خۇدايىمىز، خىزمەتكارلىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق چۈشۈرگەن قانۇنلىرىڭغا ئەمەل قىلمىدۇق. بارلىق ئىسرائىللار سېنىڭ قانۇنلىرىڭغا ئەمەل قىلمىدى ۋە يولۇڭدىن چەتنىدى، گېپىڭنى ئاڭلاشنى رەت قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەتكارىڭ مۇساغا چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدىكى قارغىشلار ۋە قەسەملەر ئۆتكۈزگەن گۇناھىمىز سەۋەبىدىن بېشىمىزغا كەلدى. سەن بىزگە ۋە بىزنىڭ يولباشچىلىرىمىزغا قىلغان سۆزلىرىڭنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتىڭ، بىزگە زور بالا-قازانى ياغدۇردۇڭ. يېرۇسالېم دۇچ كەلگەن بالايىئاپەت ئەزەلدىن پۈتۈن ئالەمدە بولۇپ باقمىغانىدى. بۇ بالايىئاپەتلەر مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغىنىدەك بېشىمىزغا كەلدى. ئەمما، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، بىز تېخى گۇناھلىرىمىزدىن يانمىدۇق، ھەقىقىتىڭگە بويسۇنماي، سەندىن شاپائەت تىلىمىدۇق. شۇڭا پەرۋەردىگار، سەن بىزنى جازالىماقچى بولۇپ، بېشىمىزغا بۇ بالايىئاپەتنى سالدىڭ. سەن بىزگە ھەقىقەتەن توغرا قىلدىڭ، چۈنكى بىز ساڭا ئىتائەت قىلمىدۇق. ئىگىمىز خۇدا، سەن ئۆز خەلقىڭنى قۇدرەتلىك قولۇڭ بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىقتىڭ، بۇ قۇدرىتىڭ سېنىڭ نامىڭنى ھازىرغىچە ئېسىمىزدە قالدۇردى. بىز گۇناھ قىلدۇق ۋە خاتالاشتۇق. ئىگىمىز، بۇرۇن بىزگە كۆرسەتكەن ھەققانىي ئىشلىرىڭدەك ئۆز شەھىرىڭ يېرۇسالېم _ مۇقەددەس تېغىڭدىن غەزەپ-نەپرىتىڭنى نېرى قىلغىن. چۈنكى بىزنىڭ ۋە ئەجدادلىرىمىزنىڭ گۇناھلىرى سەۋەبلىك ئەتراپىمىزدىكى خەلقلەر ئۆز خەلقىڭنى ۋە يېرۇسالېمنى مەسخىرە قىلماقتا. ئى خۇدا، پېقىرنىڭ دۇئاسى ۋە ئىلتىجايىغا قۇلاق سالغىن. ئى ئىگەم، ۋەيران بولغان ئىبادەتخاناڭغا ئۆزۈڭنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن دىدارىڭنىڭ نۇرىنى چاچقىن. ئى خۇدايىم، ئىلتىجايىمغا قۇلاق سالغىن. ئۈمىدسىز ھالىتىمىزنى، يەنى ئۆزۈڭگە مەنسۇپ بولغان شەھەرنىڭ خارابە ھالىتىنى كۆرگىن. بىزنىڭ ھەق بولغانلىقىمىزدىن ئەمەس، بەلكى سېنىڭ بەك رەھىمدىل بولغانلىقىڭدىن سەندىن تىلەۋاتىمىز. ئى ئىگىمىز، زارىمىزنى ئاڭلىغىن، بىزنى ئەپۇ قىلغىن! ئى ئىگىمىز، نالىمىزنى ئاڭلاپ، بىرەر تەدبىر قوللانغىن. ئى خۇدايىم، ئۆز نامىڭ ئۈچۈن كېچىكمىگىن، چۈنكى بۇ شەھەر ۋە خەلق ئۆزۈڭنىڭ». مەن دۇئالىرىمنى داۋاملاشتۇرۇپ، گۇناھلىرىمنى ۋە خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلدىم. پەرۋەردىگار خۇدايىمدىن ئۇنىڭ مۇقەددەس تېغى يېرۇسالېم ئۈچۈن ئىلتىجا قىلدىم. كەچلىك قۇربانلىق ۋاقتىدا دۇئا قىلىۋاتاتتىم، ئالدىنقى ۋەھىيدە كۆرگەن ئادەم _ جەبرائىل ئالدىمغا ئۇچۇپ كەلدى. ئۇ ماڭا چۈشەندۈرۈپ، مۇنداق دېدى: _ دانىيال، مەن ساڭا چۈشەنچە بەرگىلى كەلدىم. سەن دۇئا قىلىشنى باشلىغان ۋاقتىڭدىلا ساڭا جاۋاب بېرىلىپ بولۇنغانىدى. مەن شۇ جاۋابنى ساڭا يەتكۈزگىلى بۇ يەرگە كەلدىم، چۈنكى خۇدا سېنى ئەزىز كۆرىدۇ. دىققەت قىلىپ ئاڭلىساڭلا، ۋەھىينىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلەيسەن. خەلقىڭ ۋە مۇقەددەس شەھىرىڭنىڭ ئىتائەتسىزلىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى، گۇناھىنى يۇيۇشى، يامانلىقىنى توختىتىشى، مەڭگۈلۈك ئادالەت ئورنىتىشى، ۋەھىيدىكى بېشارەتلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ۋە مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ پاكلىنىشى ئۈچۈن يەتمىش كەررە يەتتە مەزگىل بېكىتىلدى. شۇنى بىلىپ قويغىنكى، يېرۇسالېمنى قايتا قۇرۇش بۇيرۇقى بېرىلگەندىن باشلاپ، تاكى خۇدا تاللىغان پادىشاھ دۇنياغا كەلگۈچە، يەتتە كەررە يەتتىگە قوشۇلغان ئاتمىش ئىككى كەررە يەتتە مەزگىل ئۆتىدۇ. گەرچە ئۇ كۈنلەر مۇشەققەت ئىچىدە ئۆتسىمۇ، ئەمما يېرۇسالېم شەھىرى كوچا ۋە خەندەكلىرى بىلەن قايتا قۇرۇلىدۇ. بۇ ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، خۇدا تاللىغان پادىشاھ ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگۈدەك ئادەم قالمايدۇ. ئاندىن كېيىن بىر ھۆكۈمران مەيدانغا كېلىپ، قوشۇنلىرى بىلەن شەھەر ۋە ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىدۇ. ئاقىۋىتى خۇددى كەلكۈن كەلگەندەك بولىدۇ. ئۇرۇشلار يۈز بېرىپ، ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقى خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن تاكى بۇ دەۋر ئاخىرلاشقۇچە داۋاملىشىدۇ. ئۇ ھۆكۈمران كۆپ خەلقلەر بىلەن يەتتە مەزگىل كېلىشىم تۈزىدۇ، ئەمما ۋاقىتنىڭ يېرىمى ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ قۇربانلىقلار ۋە ھەدىيەلەرنى توختىتىدۇ. ئۇ ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئېگىز يېرىگە «ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان يىرگىنچلىك بىر نەرسە» ئورنىتىدۇ. پەرۋەردىگاردىن ئۇ ھۆكۈمرانغا بېكىتىلگەن ئاخىرقى كۈن كەلگۈچە، بۇ نەرسە شۇ يەردە تۇرىدۇ. پېرسىيە پادىشاھى كورەش ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلى، بېلتىشاززار دەپمۇ ئاتالغان دانىيالغا خۇدادىن بىر ۋەھىي كەلدى. بۇ ۋەھىي راست، لېكىن چۈشىنىش ناھايىتى قىيىن ئىدى. دانىيال غايىبانە ئالامەتلەردىن ئۇنىڭ تەبىرىنى كۆردى. ئۇ چاغدا مەن دانىيال ئۈچ ھەپتە ھازىداردەك يۈردۈم. بۇ ئۈچ ھەپتىنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە غىزالانمىدىم، گۆش يېمىدىم، شاراب ئىچمىدىم ۋە خۇش پۇراق ماي ئىشلەتمىدىم. بىرىنچى ئاينىڭ 24-كۈنى ، مەن بۈيۈك دەجلە دەرياسىنىڭ بويىدا تۇرۇپ، يۇقىرىغا قارىغانىدىم، ئۇچىسىغا كەندىر رەختتىن تىكىلگەن لىباس ئارتقان، بېلىگە ساپ ئالتۇن كەمەر باغلىغان بىرسىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ تېنى ياقۇتتەك جۇلالىنىپ، يۈزلىرى چاقماقتەك يالتىراپ تۇراتتى. كۆزلىرى ئوتتەك چاقنايتتى. پۇت-قوللىرى پارقىراق تۇچتەك ۋالىلدايتتى. ئاۋازى بىر توپ ئادەمنىڭ ئاۋازىدەك جاراڭلىق ئىدى. بۇ غايىبانە ئالامەتنى يالغۇز ئۆزۈملا كۆرگەنىدىم. يېنىمدىكىلەر ھېچنېمە كۆرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنى ۋەھىمە بېسىپ، قېچىپ بېرىپ يوشۇرۇنۇۋالدى. ئۇ يەردە ئۆزۈم يالغۇز تۇرۇپ، بۇ ئاجايىپ ئالامەتنى كۆردۈم. تېنىم ماغدۇرسىزلىنىپ، چىرايىمنىڭ تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. پۇت-قولۇمدا جان قالمىغانىدى. ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان ھوشۇمدىن كەتكەندەك بولۇپ، يەرگە دۈم چۈشتۈم. بىر قول ماڭا تېگىپ، قول ۋە تىزلىرىمدا يۈكۈندۈرۈپ قويدى. ئۇ ماڭا: _ ئەي دانىيال، خۇدا سېنى ئەزىز كۆرىدۇ! ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلا. مەن سېنىڭ يېنىڭغا ئەۋەتىلدىم، _ دېدى. مەن ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ، تىترىگەن ھالدا ئورنۇمدىن تۇردۇم. ئۇ يەنە: _ ئەي دانىيال، قورقما، سەن خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا غايىبانە ئالامەتنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشنى تۆۋەنچىلىك بىلەن تەلەپ قىلغىنىڭدىن باشلاپ، ئۇ دۇئايىڭنى ئاڭلىدى. مەن سېنىڭ ئىلتىجايىڭغا بىنائەن بۇ يەرگە كەلدىم. لېكىن، پېرسىيە پادىشاھلىقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان پەرىشتە مېنى 21 كۈن توسۇۋالدى. مەن پېرسىيەدە يالغۇز بولغاچقا، مىكائىل ئىسىملىك بىر باش پەرىشتە ماڭا ياردەم قىلدى. مەن كەلگۈسىدە خەلقنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئىشلاردىن ساڭا ئالدىن خەۋەر بەرگىلى كەلدىم. بۇ، كەلگۈسى توغرىسىدىكى غايىبانە ئالامەتتۇر، _ دېدى. ئۇ ماڭا سۆزلەۋاتقاندا، مەن يەرگە تىكىلىپ قارىغىنىمچە زۇۋان سۈرمەي تۇردۇم. ئادەمگە ئوخشايدىغان بۇ پەرىشتە لەۋلىرىمنى سىلاپ قويدى. مەن ئۇنىڭغا: _ ھەزرىتىم، بۇ غايىبانە ئالامەتتىن ۋۇجۇدۇم تىترەپ، ماجالىم قالمىدى. پېقىر ھەزرىتىم بىلەن قانداقمۇ سۆزلىشەلەيمەن؟ ماغدۇرۇم تۈگەپ، نەپىسىم ئۈزۈلدى، _ دېدىم. ئۇ ماڭا يەنە بىر قېتىم قول تەگكۈزۈپ، تېنىمگە ماغدۇر بەردى. ئۇ ماڭا: _ خۇدا سېنى ئەزىز كۆرىدۇ، قورقما، ئامان بول! چىداملىق، باتۇر بول، _ دېدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ماڭا تېخىمۇ ماغدۇر كىردى. مەن: _ ھەزرىتىم، سىز ماڭا كۈچ-قۇۋۋەت بەردىڭىز، ئەمدى سۆزلەۋېرىڭ! _ دېدىم. مىدىيالىق دارىئوس ھۆكۈمرانلىقىنىڭ بىرىنچى يىلى مەن باش پەرىشتە مىكائىلغا ياردەم بېرىپ، ئۇنى قوغداپ تۇرغانىدىم. پەرىشتە يەنە مۇنداق دېدى: _ ئەمدى مەن ساڭا ھەقىقىي بولىدىغان ئىشلارنى ئېيتىپ بېرەي. پېرسىيە پادىشاھلىقىغا يەنە ئۈچ پادىشاھ ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. كېيىن تۆتىنچى پادىشاھ مەيدانغا كېلىدۇ. ئۇ باشقا پادىشاھلارغا قارىغاندا ناھايىتى دۆلەتمەن بولىدۇ. ئۇ كۈچىيىپ، قۇدرەت تاپقاندا، ھەممىسىنى يۇنان پادىشاھلىقىغا قارشى جەڭگە ئاتلاندۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر كۈچلۈك پادىشاھ مەيدانغا چىقىدۇ. ئۇ چوڭ ھوقۇقنى ئىگىلەپ، ئۆزى خالىغىنىنى قىلىدۇ. ئۇ ئەڭ قۇدرەت تاپقاندا، پادىشاھلىقى تۆتكە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ. تەختىگە ئەۋلادلىرى ۋارىسلىق قىلالمايدۇ. ئۇنىڭ تەختى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىنىپ، باشقىلارغا بېرىلىدۇ. لېكىن پادىشاھلىق ئۇ ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقىتتىكىدەك كۈچلۈك بولمايدۇ. كېيىن جەنۇب پادىشاھى قۇدرەت تاپىدۇ، لېكىن سەركەردىلىرىنىڭ ئىچىدىن ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك بىرى مەيدانغا كېلىپ، تېخىمۇ زور پادىشاھلىققا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. بىرنەچچە يىلدىن كېيىن، جەنۇب پادىشاھى شىمال پادىشاھى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، قىزىنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلىدۇ. لېكىن قىزى ئۆزىنىڭ تەسىرىنى ئۇزاققىچە ساقلاپ قالالمىغاچقا، بۇ ئىتتىپاق ئۇزۇن داۋاملىشالمايدۇ. قىزى، قىزىنىڭ ئېرى، بالىسى ۋە قىزى بىلەن بىللە بارغان خىزمەتكارلىرى بىراقلا ئۆلتۈرۈلىدۇ. كېيىن، قىزىنىڭ قېرىنداشلىرىدىن بىرى جەنۇب پادىشاھلىقىغا پادىشاھ بولىدۇ. ئۇ شىمال پادىشاھلىقىنىڭ قوشۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، قەلئەسىگە بېسىپ كىرىدۇ ۋە ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىدۇ. ئۇ شىمال پادىشاھلىقتىكى ئىلاھلىرىنىڭ بۇتلىرىنى ۋە بۇتلارغا ئاتالغان ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان قىممەتلىك نەرسىلەرنى ئولجا ئېلىپ، جەنۇب پادىشاھلىقى بولغان مىسىرغا ئېلىپ كېتىدۇ. ئۇ كېيىنكى بىرنەچچە يىل ئىچىدە شىمال پادىشاھلىقىغا ھۇجۇم قىلمايدۇ. كېيىن شىمال پادىشاھى جەنۇب پادىشاھىنىڭ زېمىنىغا باستۇرۇپ كېلىدۇ، لېكىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ. شىمال پادىشاھىنىڭ شاھزادىلىرى جەڭگە ھازىرلىنىپ، زور قوشۇن تەشكىللەيدۇ. شاھزادىلەردىن بىرى دۈشمەن قەلئەسىگە كەلكۈندەك بېسىپ كېلىدۇ. جەنۇب پادىشاھى قاتتىق غەزەپلىنىدۇ. ئۇ شىمال پادىشاھىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ زور قوشۇنىنى ئەسىرگە ئالىدۇ. جەنۇب پادىشاھى دۈشمەن قوشۇنىنى ئەسىرگە ئالغانلىقىدىن مەغرۇرلىنىپ، تۈمەنلىگەن ئادەملەرنى قىرىپ تاشلايدۇ. بىراق ئۇنىڭ غەلىبىسى ئۇزۇنغا بارمايدۇ. بىرنەچچە يىلدىن كېيىن شىمال پادىشاھى بۇرۇنقىدىن كۈچلۈك قوشۇن تەشكىللەپ، خىل قوراللانغان قۇدرەتلىك قوشۇننى جەنۇبقا باشلاپ كېلىدۇ. ئۇ چاغدا نۇرغۇن كىشىلەر جەنۇب پادىشاھىغا قارشى باش كۆتۈرىدۇ. ئەي دانىيال، سېنىڭ خەلقىڭنىڭ ئىچىدىكى بەزى زوراۋانلارمۇ ئاسىيلىق قىلىپ، غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولىدۇ، لېكىن ئۇلار مەغلۇپ بولىدۇ. شىمال پادىشاھى جەنۇب پادىشاھلىقىغا تەۋە مۇستەھكەم بىر شەھەرنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ، ئۇنى بېسىۋالىدۇ. جەنۇب قوشۇنى قارشىلىق قىلالمايدۇ. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئەڭ خىل لەشكەرلىرىمۇ قارشىلىق قىلىشقا ئاجىزلىق قىلىدۇ. شىمال پادىشاھى خالىغان ئىشىنى قىلىدۇ، ھېچكىم ئۇنىڭغا قارشىلىق قىلالمايدۇ. ئۇ گۈزەل ئىسرائىلىيە زېمىنىنى ئىگىلەپ، ئۇنى ۋەيران قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىدۇ. شىمال پادىشاھى پۈتۈن قوشۇنى بىلەن سەپەرگە ئاتلىنىشقا نىيەت قىلىدۇ. ئۇ جەنۇب پادىشاھى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، قىزىنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ جەنۇب پادىشاھلىقىنى يوقىتىش نىيىتىگە كەلگەنىدى. لېكىن ئۇنىڭ بۇ پىلانى ئەمەلگە ئاشمايدۇ. كېيىن شىمال پادىشاھى دېڭىز بويىدىكى خەلقلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، نۇرغۇن خەلقلەرنى بويسۇندۇرىدۇ. لېكىن ياقا يۇرتلۇق بىر سەركەردە ئۇنىڭ ئەدىپىنى بېرىپ، قىلغان قىلمىشىغا يارىشا جازاسىنى بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شىمال پادىشاھى ئۆز دۆلىتىدىكى قەلئەلىرىگە چېكىنىدۇ، مۇشۇ مەغلۇبىيەتتىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز، غايىب بولىدۇ. ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغۇچى خەزىنىسىنى بېيىتىش ئۈچۈن ئەمەلدارىنى ئەۋەتىپ، خەلقتىن ھەر تۈرلۈك ئالۋان-سېلىقلارنى يىغىدۇ. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي پادىشاھ ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭ ئۆلۈمى جەڭدە ئەمەس، بەلكى سۇيىقەست بىلەن بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بىر يارىماس ئادەم پادىشاھ بولىدۇ. ئۇنىڭ تەخت ۋارىسى بولۇش ھوقۇقى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ باشقىلارنىڭ تەييارلىقسىز تۇرغان پەيتىدىن پايدىلىنىپ، ھىيلىگەرلىك قىلىپ، پادىشاھلىقنى تارتىۋالىدۇ. ئۇ ئۆزىگە قارشى چىققان قوشۇنلارنى، جۈملىدىن ئەھدە شاھزادىسىنىمۇ يوقىتىدۇ. كېلىشىم تۈزۈش ئارقىلىق باشقا خەلقلەرنى ئالدايدۇ. گەرچە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر ئاز بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بارغانسېرى قۇدرەت تاپىدۇ. باشقىلار تەييارلىقسىز تۇرغاندا، بايلىقى مول ئۆلكىلەرگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىدۇ. ئۇ ئەجدادلىرىدىن ھېچكىممۇ قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى قىلىپ، ئولجا ئالغان مال-مۈلۈكلىرىنى ئەگەشكۈچىلىرىگە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇ قەلئەلەرگە ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كۈنلىرى ئۇزۇنغا بارمايدۇ. ئۇ زور قوشۇن توپلاپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن جەنۇب پادىشاھىغا ھۇجۇم قىلىدۇ. جەنۇب پادىشاھىمۇ قۇدرەتلىك قوشۇنى بىلەن جەڭگە ئاتلىنىدۇ. لېكىن جەنۇب پادىشاھى سۇيىقەستكە ئۇچراپ، جەڭدە غەلىبە قىلالمايدۇ. ئۇنىڭ ھەمداستىخانلىرى ئۇنى ۋەيران قىلىدۇ. لەشكەرلىرى جەڭدە تارمار بولۇپ، كۆپىنچىسى ھالاك بولىدۇ. كېيىن بۇ ئىككى پادىشاھ بىر داستىخاندا تاماققا داخىل بولىدۇ. لېكىن ھەر ئىككىلىسى بىر-بىرىنى ئالدايدىغان يامان نىيەتلەردە بولىدۇ. ئەمما ئاقىۋىتى خۇدا بەلگىلىگەن ۋاقىتتا يۈز بېرىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ پىلانلىرى ئەمەلگە ئاشمايدۇ. شىمال پادىشاھى نۇرغۇن غەنىيمەتلەرنى ئېلىپ يۇرتىغا قايتىدۇ، لېكىن ئۇ خۇدانىڭ مۇقەددەس ئەھدىسىگە قارشى تۇرۇش نىيىتىگە كېلىدۇ. ئۇ يولدا خالىغىنىنى قىلىپ، ئاندىن ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە، شىمال پادىشاھى جەنۇبقا يەنە بېسىپ كېلىدۇ. لېكىن بۇ قېتىمقى ئەھۋال ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدۇ. كىتتىملىقلار نىڭ كېمىلىرى ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى قورقۇتۇۋېتىدۇ، ئۇ چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ. شىمال پادىشاھى مۇقەددەس ئەھدىنىڭ كىشىلىرىگە غەزەپ قىلىش ئارقىلىق ئاچچىقىنى چىقىرىدۇ ۋە مۇقەددەس ئەھدىنى تەرك ئەتكۈچىلەرنى مۇكاپاتلايدۇ. شىمال پادىشاھىنىڭ قوشۇنلىرى مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇ يەرنى بۇلغايدۇ. كۈندىلىك قۇربانلىقلارنى توختىتىپ، ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان يىرگىنچلىك بىر نەرسىنى مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا ئورنىتىدۇ. شىمال پادىشاھى مۇقەددەس ئەھدىگە بويسۇنمىغانلارنى شېرىن-شېكەر سۆزلەر بىلەن ئالداپ، يېنىغا تارتىدۇ. لېكىن خۇدانى تونۇيدىغانلار قوزغىلىپ، قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. خەلق ئىچىدىكى دانا يولباشچىلار خەلققە تەلىم بېرىدۇ. لېكىن، دانا يولباشچىلارنىڭ بەزىلىرى مەلۇم مەزگىل ئىچىدە جەڭدە ھالاك بولىدۇ، بەزىلىرى ئوتتا كۆيۈپ ئۆلىدۇ، بەزىلىرى بولسا ئەسىرگە چۈشىدۇ ياكى بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچرايدۇ. قىيىنچىلىق مەزگىلىدە خۇدانىڭ خەلقى ئازغىنە ياردەمگە ئېرىشىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنىڭ سەپلىرىگە قوشۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپلىرى چىن نىيەتلىرى بىلەن قوشۇلمىغانىدى. بەزى دانا يولباشچىلار ئازاب چېكىدۇ، لېكىن ئۇلار چەككەن ئازابلىرى ئارقىلىق زامان ئاخىرىغىچە تاۋلىنىدۇ، پاكلىنىدۇ ۋە قۇسۇرسىز بولىدۇ. بۇ ئىش تاكى خۇدا بەلگىلىگەن كۈن كەلگۈچە داۋاملىشىدۇ. شىمال پادىشاھى خالىغىنىنى قىلىدۇ. ئۇ تەكەببۇرلىشىپ، ئۆزىنى «ھەرقانداق ئىلاھلاردىنمۇ ئۇلۇغمەن» دەپ ماختايدۇ. ھەتتا ھەممە ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى بولغان پەرۋەردىگارغا قارشى سۆزلەپ، كۇپۇرلۇق قىلىدۇ. ئۇ تاكى خۇدانىڭ غەزىپى كەلگۈچە داۋاملىق شۇنداق قىلىدۇ. خۇدا ئۆزىنىڭ قارارلىرىنى ئۆزگەرتمەي، چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. شىمال پادىشاھى ئەجدادلىرى چوقۇنۇپ كەلگەن ئىلاھلارغىمۇ ھۆرمەت قىلمايدۇ، ئاياللار ئەتىۋارلايدىغان ئىلاھنىمۇ كۆزگە ئىلمايدۇ. ئۇ ئۆزىنى ھەرقانداق ئىلاھتىن ئۇلۇغ دەپ قارايدۇ. ئەمما ئەجدادلىرى چوقۇنۇپ باقمىغان قورغانلار ئىلاھىغا چوقۇنىدۇ. ئۇ بۇ ئىلاھقا ئالتۇن، كۈمۈش، ياقۇت ۋە باشقا قىممەتلىك سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلىدۇ. ئۆز قورغىنىنى يات خەلقنىڭ ئىلاھى ئارقىلىق مۇھاپىزەت قىلىدۇ. ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى قوبۇل قىلغۇچىلارغا شان-شەرەپ ۋە يۇقىرى مەرتىۋە ئاتا قىلىدۇ. ئۇلارنى يەر-زېمىن بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. زامان ئاخىرى بولغاندا جەنۇب پادىشاھى شىمال پادىشاھىغا ھۇجۇم قىلىدۇ. شىمال پادىشاھى جەڭ ھارۋىلىرى، جەڭ تۇلپارلىرى ۋە كېمىلىرىنى ئىشلىتىپ، كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بېرىدۇ. ئۇنىڭ قوشۇنلىرى كەلكۈندەك بېسىپ كېلىپ، نۇرغۇن دۆلەتلەرنى بېسىۋالىدۇ. ھەتتا گۈزەل ئىسرائىلىيە زېمىنىغا بېسىپ كىرىپ، ئون مىڭلىغان كىشىلەرنى ئۆلتۈرىدۇ. پەقەت ئىدوم، موئاب خەلقى ۋە ئاممونلارنىڭ رەھبەرلىرى قېچىپ قۇتۇلىدۇ. شىمال پادىشاھى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە بېسىپ كىرگەندە، ھەتتا مىسىرمۇ ئۇنىڭ چاڭگىلىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئۇ مىسىرنىڭ ئالتۇن-كۈمۈشلىرىنى ۋە باشقا قىممەت باھالىق بۇيۇملىرىنى تالان-تاراج قىلىدۇ. لىۋىيىلىكلەر ۋە كۇشلارنى بويسۇندۇرىدۇ. كېيىن شەرق ۋە شىمالدىن كەلگەن خەۋەرلەر شىمال پادىشاھىنى ئالاقزادە قىلىدۇ. ئۇ غەزەپلىنىپ، ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، دۈشمەنلىرىنى تەلتۆكۈس يوقىتىدۇ. ئۇ دېڭىز ۋە ئىسرائىلىيەدىكى كۆركەم، مۇقەددەس تاغ ئارىسىغا بېرىپ، ئۇ يەردە شاھانە چېدىرلىرىنى تىكىدۇ. ئەمما ئۇ شۇ يەردە جان بېرىدۇ، ھېچكىم ئۇنى قۇتقۇزۇۋالالمايدۇ. پەرىشتە گېپىنى داۋاملاشتۇردى: _ ئۇ چاغدا خەلقىڭنى قوغدىغۇچى باش پەرىشتە مىكائىل مەيدانغا چىقىدۇ. ئاندىن خەلقىڭ ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان ھېچقاچان بولۇپ باقمىغان ئاپەتلىك بىر دەۋرنى باشتىن كەچۈرىدۇ، لېكىن خەلقىڭنىڭ ئىچىدىكى نامى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلگەنلەرنىڭ ھەممىسى نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ. قارا يەر باغرىدا ياتقانلارنىڭ نۇرغۇنلىرى تىرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ؛ بەزىلىرى نومۇستا قېلىپ، مەڭگۈلۈك شەرمەندە بولىدۇ. دانا يولباشچىلار ئاسمان گۈمبىزىدەك نۇرلۇق بولىدۇ، كىشىلەرگە توغرا يول كۆرسەتكەنلەر يۇلتۇزلاردەك مەڭگۈ پارلاپ تۇرىدۇ. ئى دانىيال، سەن ئەمدى بۇ پۈتۈكنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تاكى زامان ئاخىرىغىچە پېچەتلىۋەتكىن. نۇرغۇن كىشىلەر يۈز بەرمەكچى بولغان ئىشلار ئۈستىدە يۈرەك قانلىرىنى سەرپ قىلىشىپ، چۈشەنچىگە ئىگە بولىدۇ. ئاندىن، مەن دانىيال ئەتراپقا قارىسام، يەنە ئىككىيلەن تۇرۇپتۇ، بىرى دەريانىڭ بۇ تەرىپىدە، يەنە بىرى قارشى تەرىپىدە ئىكەن. ئۇلاردىن بىرى، دەريانىڭ ئۈستىدە تۇرغان، كەندىر رەختتىن تىكىلگەن لىباس ئارتقان ھېلىقى بىرىدىن: _ بۇ ئاجايىپ ۋەقەلەرنىڭ ئاخىرلىشىدىغىنىغا قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟ _ دەپ سورىدى. مەن ئۇنىڭ ئىككى قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ، مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ: «بىر مەزگىل، ئىككى مەزگىل ۋە يەنە يېرىم مەزگىل كېتىدۇ. خۇدانىڭ خەلقى ئۇچراۋاتقان بۇ زىيانكەشلىك ئاخىرلاشقاندا، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى تۈگەيدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان بولساممۇ، ئەمما نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشەنمىدىم. شۇڭا مەن: _ ھەزرىتىم، بۇ ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟ _ دەپ سورىدىم. ئۇ مۇنداق دېدى: _ ئەي دانىيال، سەن كېتىۋەرگىن، چۈنكى بۇ سۆزلەر زامان ئاخىرىغىچە پېچەتلىنىپ، مەخپىي تۇتۇلىدۇ. بۇ ئازابلار ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەر تاۋلىنىدۇ، پاكلىنىدۇ ۋە قۇسۇرسىز بولىدۇ. يامانلار چۈشەنمەي، يامانلىق قىلىۋېرىدۇ، پەقەت دانالار چۈشىنىدۇ. كۈندىلىك قۇربانلىقلارنى توختىتىپ، ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان يىرگىنچلىك بىر نەرسە ئورنىتىلغان كۈندىن باشلاپ، 1290 كۈن ئۆتىدۇ. ئاخىرغىچە سادىق بولۇپ، 1335 كۈن ساقلىغانلار نەقەدەر بەختلىك-ھە! ئەي دانىيال، سەن ئاخىرغىچە سادىق بول، كېيىن ئالەمدىن ئۆتىسەن. زامان ئاخىرىدا ئىنئامىڭنى ئالغىلى قايتا تىرىلىسەن. يەھۇدىيەگە ئۇززىيا، يوتەم، ئاخاز ۋە خىزكىيالار ھۆكۈمرانلىق قىلغان زامانلاردا ۋە ئىسرائىلىيەگە يىھوئاشنىڭ ئوغلى ياروبئام II پادىشاھ بولغان ۋاقىتلاردا، بەئەرىنىڭ ئوغلى ھوشىياغا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلگەنىدى. پەرۋەردىگاردىن ھوشىياغا تۇنجى قېتىم ۋەھىي كەلگەن چاغدا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «سەن بىر پاھىشەنى خوتۇنلۇققا ئالغىن. ئۇ ساڭا باشقا ئەرلەردىن پەرزەنتلەر تۇغۇپ بېرىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش بۇ زېمىندىكى كىشىلەرمۇ مەن پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈپ، ساداقەتسىزلىك قىلماقتا» دېگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن ھوشىيا دىبلايىمنىڭ قىزى گومەرگە ئۆيلەندى. گومەر ھامىلىدار بولۇپ، ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. پەرۋەردىگار ھوشىياغا مۇنداق دېدى: _ ئوغلۇڭغا «يىزرىئەل» دەپ ئىسىم قويغىن. چۈنكى پادىشاھ يېھۇ بۇرۇن يىزرىئەلدە قان تۆككەن، مەن ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ خانىدانلىقىنى جازالايمەن، ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنىمۇ ۋەيران قىلىمەن. ئۇ كۈن كەلگەندە، مەن يىزرىئەل تۈزلەڭلىكىدە ئىسرائىلىيەنىڭ ئوقيالىرىنى سۇندۇرىمەن. كېيىن گومەر يەنە ھامىلىدار بولۇپ، بىر قىز تۇغدى. پەرۋەردىگار ھوشىياغا مۇنداق دېدى: _ قىزىڭغا «لو-رۇخاما» [مەنىسى «ئىچ ئاغرىتماسلىق»] دەپ ئىسىم قويغىن. چۈنكى مەن ئەمدى ئىسرائىلىيە خەلقىگە ئىچ ئاغرىتمايمەن، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرمەيمەن. لېكىن مەن يەھۇدىيە خەلقىگە ئىچ ئاغرىتىمەن. مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ خۇداسىدۇرمەن. مەن ئۇلارنى قۇتۇلدۇرىمەن، ئۇلارنى ئوقيا، قىلىچ، ئۇرۇش، ئات ياكى چەۋەندازلار بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆز قۇدرىتىم بىلەن قۇتۇلدۇرىمەن. گومەر لو-رۇخامانى ئەمچەكتىن چىقارغاندىن كېيىن، يەنە ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: _ ئوغلۇڭغا «لو-ئامى» [مەنىسى «خەلقىم ئەمەس»] دەپ ئىسىم قويغىن. چۈنكى سىلەر ئەمدى مېنىڭ خەلقىم ئەمەس، مەنمۇ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار ئەمەس. لېكىن شۇنداق بىر ۋاقىتلار كېلىدۇكى، ئىسرائىل خەلقى خۇددى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك سان-ساناقسىز كۆپىيىدۇ. مەن بۇرۇن ئۇلارغا قەيەردە: «سىلەر مېنىڭ خەلقىم ئەمەس» دېگەن بولسام، يەنە شۇ يەردە ئۇلارغا: «سىلەر مەنكى مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىدۇرسىلەر» دەيمەن. ئۇ چاغدا، ئىسرائىلىيە بىلەن يەھۇدىيە خەلقى بىرلىشىدۇ ۋە ئۆزلىرىگە بىر يېتەكچى تەيىنلەيدۇ. ئۇلار ئۆز يۇرتىدا گۈللىنىدۇ. يىزرىئەلنىڭ زامانى بۈيۈك بىر زامان بولىدۇ. ئاكا-ئىنىڭلارنى «ئامى» [مەنىسى «مېنىڭ خەلقىم»]، ئاچا-سىڭلىڭلارنى «رۇخاما» [مەنىسى «ئىچ ئاغرىتىش»] دەپ چاقىرىڭلار. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەيىبلەڭلار، ئاناڭلارنى ئەيىبلەڭلار! ئۇ ئەمدى مېنىڭ خوتۇنۇم ئەمەس، مەنمۇ ئۇنىڭ ئېرى ئەمەس. يۈزىدىكى پاھىشىلىك جىلۋىلىرىنى، ئۈستىدىكى ئۇياتسىز كىيىملىرىنى يوقاتسۇن. بولمىسا مەن ئۇنىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ، ئۇنى ئانىدىن تۇغما ھالەتكە كەلتۈرىمەن. خۇددى قۇملۇقتەك قاقاس چۆلگە ئايلاندۇرۇپ، ئۇسسۇزلۇقتىن چاڭقىتىپ ئۆلتۈرىمەن. ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىگىمۇ ئىچىمنى ئاغرىتمايمەن، چۈنكى ئۇلار پاھىشەنىڭ پەرزەنتلىرىدۇر. ئۇلارنىڭ ئانىسى بۇزۇقچىلىق قىلىپ، نومۇسسىزلارچە ئېغىر ئاياغ بولدى. ئۇ: ‹مەن ئاشنىلىرىمنى ئىزدەيمەن، ئۇلار ماڭا يېمەك-ئىچمىكىمنى، يۇڭ ۋە زىغىر رەختىمنى، زەيتۇن يېغى ۋە شارابىمنى بېرىدۇ› دەيدۇ. شۇڭا مەن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ يولىنى تىكەن بىلەن توسىمەن، ئۇ يولىنى تاپالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئالدىغا تام قوپۇرىمەن. ئۇ ئاشنىلىرىنى قوغلىسىمۇ، يېتىشەلمەيدۇ، ئىزدىسىمۇ تاپالمايدۇ. شۇڭا ئۇ: ‹بىرىنچى ئېرىمنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتەيچۇ، بۇرۇنقى ئەھۋالىم ھازىرقىدىن ياخشىراق ئىدى› دەيدۇ. لېكىن ئۇ ئۆزىگە ئاشلىق، شاراب، زەيتۇن يېغى ۋە ئالتۇن-كۈمۈش بەرگۈچىنىڭ مەن ئىكەنلىكىمنى بىلمىدى. ئۇ بۇلارنى بۇت ئىلاھى بائالغا ئىشلەتتى. شۇڭا ئورما ئۇرۇش ۋە شاراب چىقىرىش ۋاقىتلىرى كەلگەندە، مەن ئاشلىق ۋە شارابلىرىمنى ئۇنىڭغا بەرمەيمەن. ئۇنىڭغا كىيىم-كېچەك ئۈچۈن بەرگەن يۇڭ ۋە زىغىر رەختلەرنى تارتىۋالىمەن. ئاشنىلىرىنىڭ ئالدىدا كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ، يالىڭاچ قىلىپ قويىمەن. ھېچكىم ئۇنى قولۇمدىن قۇتقۇزالمايدۇ. ئۇنىڭ خۇشال ئۆتكۈزىدىغان بارلىق بايراملىرىنى، يەنى يېڭى يىل، يېڭى ئاي بايراملىرىنى، باشقا بەلگىلەنگەن بايراملىرىنى ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىنى يوق قىلىمەن. ئۇ: ‹ئۈزۈمزارلىقىمنى ۋە ئەنجۈرلۈكۈمنى ئاشنىلىرىم ماڭا ھەق سۈپىتىدە بەرگەن› دەيدۇ. شۇڭا مەن ئۇلارنى ۋەيران قىلىپ، چاتقاللىققا ئايلاندۇرىمەن، باغلىرىنى ياۋايى ھايۋانلار يەيدۇ. ئۇ بۇت ئىلاھى بائالغا ئاتاپ كۈجە كۆيدۈرگەن كۈنلەر ئۈچۈن، ئۇنى جازالايمەن. ئۇ كۈنلەردە ئۇ ئۈزۈك ۋە زىبۇ-زىننەتلەرنى ئېسىپ، ئاشنىلىرىغا دۈم چۈشۈپ، مېنى ئۇنتۇدى. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. شۇنداق بولسىمۇ، مەن ئۇنى قايتىدىن ئۆزۈمگە قىزىقتۇرىمەن. چۆلگە ئاپىرىپ، شېرىن سۆزلەر بىلەن كۆڭلىنى ئالىمەن. ئۈزۈمزارلىقلىرىنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بېرىمەن، ‹بالايىئاپەت جىلغىسى›نى ‹ئۈمىد دەرۋازىسى›غا ئايلاندۇرىمەن. ئۇ ياشلىقىدا مىسىردىن چىققان چاغدا، ماڭا ئەگەشكەندەك ئەگىشىدۇ. مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەنكى، ئۇ كۈن كەلگەندە، سەن مېنى ‹ئېرىم› دەپ چاقىرىسەن، ‹خوجايىنىم› دەپ چاقىرمايسەن. مەن سېنىڭ ئاغزىڭدىن بائالنىڭ ئىسمىنى يوقىتىمەن، سەن ئۇنىڭ ئىسمىنى قايتا تىلغا ئالمايدىغان بولىسەن. مەن ئۇ كۈن كەلگەندە ھايۋانلار، قۇشلار ۋە ئۆمىلىگۈچى جانلىقلار بىلەن ئەھدە تۈزىمەن. ئۇلار ساڭا چېقىلمايدۇ. زېمىندىكى ئوقيا، قىلىچلارنى ۋەيران قىلىپ، ئۇرۇشلارنى يوقىتىمەن، سەن تىنچ، بىخەتەر ياشايسەن. سېنى مەڭگۈلۈك ئەمرىمگە ئالىمەن. مەن ساڭا ھەققانىيلىق، ئادىللىق، مۇھەببەت ۋە شاپائىتىمنى كۆرسىتىمەن. سېنى ئەمرىمگە ئالىمەن ۋە ساڭا ۋاپادار بولىمەن. شۇندىلا سەن مەن پەرۋەردىگارنى تونۇيسەن. مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەنكى، ئۇ كۈن كەلگەندە ئاسماننىڭ ئىلتىجاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، ئاسمان زېمىننىڭ ئىلتىجاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ. زېمىن ئاشلىق، شاراب ۋە زەيتۇن يېغى بىلەن جاۋاب بېرىدۇ. بۇلار ‹يىزرىئەل _ خۇدا تېرىيدۇ!› دەپ جاۋاب قايتۇرىدۇ. سېنى بۇ زېمىنغا ئۆزۈم ئۈچۈن تېرىيمەن. مەن ‹ئىچ ئاغرىتما› دەپ ئاتالغانلارغا ئىچ ئاغرىتىمەن، ‹خەلقىم ئەمەس› دەپ ئاتالغانلارنى ئەمدى ‹مېنىڭ خەلقىم› دەپ ئاتايمەن، سەن مېنى: ‹سەن مېنىڭ خۇدايىم› دەپ ئاتايسەن.» پەرۋەردىگار مەن ھوشىياغا مۇنداق دېدى: _ سەن يەنە بىر قېتىم باشقا ئەرنى سۆيىدىغان زىناخور ئايالىڭغا كۆڭلۈڭنى بەرگىن. مەن پەرۋەردىگار خۇددى ئىسرائىل خەلقىنى سۆيگەندەك، سەنمۇ ئۇنى سۆيگىن. گەرچە ئۇلار باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، بۇتلارغا كىشمىش سۇنۇشنى ياخشى كۆرسىمۇ، مەن پەرۋەردىگار يەنىلا ئۇلارنى ياخشى كۆرىمەن. شۇڭا مەن ئايالىمنى 170 گىرام كۈمۈش ۋە 150 كىلو ئارپىغا سېتىۋالدىم. ئاندىن ئۇنىڭغا: _ سەن مەن بىلەن بىر مەزگىل بىرگە تۇرىسەن، بۇ جەرياندا پاھىشىلىك قىلما، بىرەرمۇ ئەر كىشىگە يېقىنلاشما، مەنمۇ ساڭا يېقىنلاشمايمەن، _ دېدىم. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىسرائىل خەلقىمۇ بىر مەزگىل پادىشاھسىز ۋە يېتەكچىسىز بولۇپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ قۇربانلىقىمۇ، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىمۇ، روھانىيلارنىڭ پەرتۇقىمۇ ۋە ئۆيلىرىدىكى بۇتلىرىمۇ يوق بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىلىيە خەلقى نىيىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانى ئىزدەيدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ پادىشاھى بولغان داۋۇتنىڭ ئەۋلادىغا يۈزلىنىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا، ئۇلار ئىخلاسمەنلىك بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتىپ، شەپقەتكە ئېرىشىدۇ. ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار! ئۇ سىلەرنى، يەنى بۇ زېمىندا ياشاۋاتقانلارنى ئەيىبلەيدۇ. بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان كىشىلەر ساداقەتسىز ۋە مېھىر-مۇھەببەتسىزدۇر، ئۇلار خۇدانى تونۇمايدۇ. سىلەر باشقىلارنى قارغايسىلەر، يالغان سۆزلەيسىلەر، قاتىللىق، ئوغرىلىق ۋە زىنا قىلىسىلەر. قان ئۈستىگە قان تۆكىسىلەر، گۇناھلىرىڭلارنىڭ چېكى يوقتۇر. شۇڭا بۇ زېمىن ھازا تۇتماقتا. بۇ زېمىندا ياشايدىغان بارلىق خەلق ئاجىزلىشىدۇ. دالادىكى ياۋايى ھايۋانلار، ئاسماندىكى قۇشلار، ھەتتا سۇدىكى بېلىقلارمۇ يوقايدۇ. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ھېچكىم خەلقنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلمىسۇن، ھېچكىم خەلقنى ئەيىبلىمىسۇن. ئەي روھانىيلار، مېنىڭ ئەيىبلەيدىغىنىم سىلەردۇرسىلەر. سىلەر مەيلى كۈندۈز ياكى كېچىدە بولسۇن پۇتلىشىسىلەر، ساختا پەيغەمبەرمۇ سىلەر بىلەن بىرگە پۇتلىشىدۇ. مەن سىلەرنىڭ ئاناڭلار بولغان ئىسرائىلىيەنى ۋەيران قىلىمەن. خەلقىم مېنى تونۇمىغانلىقى ئۈچۈن ۋەيران بولىدۇ. ئەي روھانىيلار، سىلەر مېنى تونۇشنى رەت قىلدىڭلار. مەنمۇ سىلەرنىڭ مېنىڭ روھانىيلىرىم بولۇشۇڭلارنى رەت قىلىمەن. سىلەر مېنىڭ قانۇنلىرىمنى ئۇنتۇدۇڭلار، مەنمۇ سىلەرنىڭ ئەۋلادىڭلارنى ئۇنتۇيمەن. سىلەر كۆپەيگەنچە، ئۆتكۈزىدىغان گۇناھىڭلارمۇ كۆپەيمەكتە، شەرىپىڭلارنى نومۇسقا ئالماشتۇردۇڭلار. سىلەر روھانىيلار خەلقىمنىڭ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى بىلەن ئۆزۈڭلارنى سەمرىتتىڭلار. شۇڭا خەلقنىڭ گۇناھ قىلىشىغا تەشنا بولدۇڭلار. كەلگۈسىدە خەلقىم قانداق بولسا، سىلەر روھانىيلارمۇ شۇنداق بولىسىلەر. مەن ھەممىڭلارنى تۇتقان يوللىرىڭلار، قىلغان قىلمىشىڭلارغا يارىشا جازالايمەن. سىلەر يېسەڭلارمۇ تويمايسىلەر، بۇتخانىلاردا زىنا قىلساڭلارمۇ، سانىڭلار كۆپەيمەيدۇ. چۈنكى سىلەر بۇتلارغا چوقۇنۇپ، مەن پەرۋەردىگاردىن ۋاز كەچتىڭلار. شارابخورلۇق خەلقىمنى ئەقىل-ئىدراكتىن مەھرۇم قىلىدۇ. خەلقىم ياغاچ بۇتلاردىن مەسلىھەت، ياغاچ بۇيۇملاردىن تەلىم سورايدۇ. خەلقىمنىڭ بۇتقا چوقۇنۇپ شەھۋانىيلىق قىلىشى ئۇلارنى ئازدۇردى. ئۇلار ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلدى. ئۇلار تاغلاردا بۇتلارغا قۇربانلىق سۇنىدۇ، تۆپىلىكلەردە كۈجە كۆيدۈرىدۇ. ئادەمگە ھۇزۇر بېرىدىغان دەرەخلەرنىڭ سايىسىدا، يەنى دۇپ، تېرەك ۋە پىستە دەرەخلىرىنىڭ ئاستىدا شۇنداق قىلىشىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ قىزلىرىمۇ ئۇ يەردە پاھىشىلىك قىلىدۇ، كېلىنلىرىمۇ زىنا قىلىدۇ. لېكىن مەن پاھىشە قىزلىرىنى جازالىمايمەن، زىناخور كېلىنلىرىنى ئەدەپلىمەيمەن. چۈنكى ئەرلەرمۇ پاھىشىلەر بىلەن بىرگە بولىدۇ، بۇتخانىدىكى پاھىشىلەر بىلەن بىرلىكتە قۇربانلىق سۇنىدۇ، نادان خەلق ھامىنى ھالاك بولىدۇ. ئەي ئىسرائىلىيەلىكلەر، سىلەر ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلدىڭلار، لېكىن يەھۇدىيەلىكلەر ئۇنداق گۇناھنى سادىر قىلمىسۇن. گىلگالغا ھېچكىم تاۋاپ قىلغىلى بارمىسۇن، بەيتئاۋەنگىمۇ ئاياغ باسمىسۇن، مەن پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەنمۇ قەسەم قىلمىسۇن. ئىسرائىلىيەلىكلەر جاھىلدۇر، ئۇلار ئىنەكتەك جاھىل تۇرسا، مەن قانداقمۇ ئۇلارنى قوزىلارنى يايلاقلاردا باققاندەك باقالايمەن؟ ئىسرائىلىيەلىكلەر بۇتقا مەستانە بولۇپ كەتتى، ئۇلار ئۆز يولىدا مېڭىۋەرسۇن. ئۇلار ئەيش-ئىشرەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ يېتەكچىلىرى نومۇسسىزلىققا ھەۋەس قىلىدۇ. بوران ئۇلارنى سۈپۈرۈپ كېتىدۇ، ئۇلار بۇتلارغا قىلغان قۇربانلىقلىرى سەۋەبىدىن نومۇسقا قالىدۇ.» پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي روھانىيلار، ئاڭلاڭلار! ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار! ئەي پادىشاھ جەمەتى، دىققەت قىلىڭلار! سىلەرگە قارشى ھۆكۈم چۈشۈۋاتىدۇ. چۈنكى بۇتپەرەسلىكىڭلار خەلققە مىزپاھتا قىلتاق، تابور تېغىدا تور بولدى. ئاسىيلار قىرغىنچىلىققا تېخىمۇ بېرىلىپ كەتتى. لېكىن مەن ھەممىڭلارنى جازالايمەن. مەن ئىسرائىلىيەنى ياخشى بىلىمەن، ئۇلار ئۆزلىرىنى مەندىن يوشۇرالمايدۇ. ئۇلار ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، ئۆزلىرىنى بۇلغىدى. ئۇلارنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ئۆزلىرىنىڭ مېنىڭ يولۇمغا قايتىشىغا توسالغۇ بولماقتا. ئۇلارنىڭ قەلبىنى ساداقەتسىزلىك ئىگىلىگەندۇر. ئۇلار مەن پەرۋەردىگارنى تونۇمايدۇ. ئىسرائىلىيەنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى ئۆزىگە قارشى گۇۋاھ بولىدۇ، يەنى ئەفرايىم گۇناھلىرىغا پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ، يەھۇدىيەمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يىقىلىدۇ. ئۇلار كالا، قوي ۋە ئۆچكىلىرى بىلەن كېلىپ، مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇنماقچى بولۇشىدۇ، لېكىن ئۇلار مېنى تاپالمايدۇ. چۈنكى مەن ئۇلارنى تەرك ئەتتىم. ئۇلار مەن پەرۋەردىگارغا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، ھارامدىن بالا تاپتى. ئۇلارنىڭ يېڭى ئاي بايراملىرى ئۆزلىرىنى ئېتىزلىرى بىلەن بىرگە ۋەيران قىلىدۇ. گىبئاھ شەھىرىدە بۇرغا، راماھ شەھىرىدە كاناي چېلىڭلار، بەيتئاۋەندا ئۇرۇشتىن ئاگاھلاندۇرۇڭلار. ئەي بىنيامىنلار، ھەممىدىن بۇرۇن جەڭگە ئاتلىنىڭلار! ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، سىلەر جازا كۈنى خاراب بولىسىلەر! مەن ئىسرائىلىيە قەبىلىلىرىگە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى جاكارلايمەن! يەھۇدىيەنىڭ يېتەكچىلىرى خۇددى پاسىل تاشلىرىنى يۆتكىۋېتىدىغان ئادەملەرگە ئوخشايدۇ، شۇڭا غەزىپىم خۇددى كەلكۈندەك ئۇلارنىڭ ئۈستىگە باستۇرۇپ كېلىدۇ. ئىسرائىلىيە بۇتپەرەسلىك يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ھۆكۈمۈمگە مەھكۇم بولۇپ، زۇلۇمغا قالىدۇ. مەن ئىسرائىلىيەنى كۈيە چۈشكەن كىيىمگە، يەھۇدىيەنى پور ياغاچقا ئايلاندۇرۇۋېتىمەن. ئىسرائىلىيە ئۆزىنىڭ كېسىلىنى، يەھۇدىيە ئۆزىنىڭ جاراھىتىنى كۆرگەندە، ئىسرائىلىيە بېرىپ، كۈچلۈك ئاسسۇر پادىشاھىدىن ياردەم سورايدۇ. لېكىن ئاسسۇر پادىشاھى ئۇلارنىڭ كېسىلىنى داۋالىيالمايدۇ، جاراھەتلىرىنىمۇ ساقايتالمايدۇ. مەن ئىسرائىلىيەگە قارشى شىردەك، يەھۇدىيەگە قارشى يىرتقۇچ شىردەك بولىمەن. ئۇلارنى پارچە-پارچە قىلىۋېتىمەن. مەن ئۇلارنى سۆرەپ ئېلىپ كەتكەندە، ھېچكىم ئۇلارنى قۇتقۇزالمايدۇ. ئۇلار گۇناھىنى تونۇپ، مېنى ئىزدىمىگۈچە، ئۇلاردىن ئايرىلىپ تۇرىمەن. ئۇلار ئازاب تارتقان كۈنلىرىدە مېنى چىن قەلبىدىن ئىزدەيدۇ». كېلىڭلار، بىز پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتايلى! ئۇ بىزنى يارىلاندۇردى، لېكىن ئۇ يەنە ئۆزى بىزنى ساقايتىدۇ. ئۇ بىزگە زەربە بەردى، لېكىن ئۇ يارىلىرىمىزنى ئۆزى تاڭىدۇ. ئىككى كۈن ئۆتۈپلا ئۇ بىزنى قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتۈرىدۇ، ئۈچىنچى كۈنى كەلگەندە، ئۇ بىزنى ئورنىمىزدىن دەس تۇرغۇزىدۇ. شۇنداق قىلىپ، بىز ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا ياشايمىز. بىز پەرۋەردىگارنى تونۇيلى، ئۇنى بىلىشكە ئىنتىلەيلى! تاڭ ئېتىش مۇقەررەر بولغاندەك، ئۇ بىزگە مۇقەررەر ئايان بولىدۇ. زېمىنغا كۈز ۋە باھار يامغۇرلىرى چوقۇم ياغقاندەك، ئۇ چوقۇم كېلىدۇ. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، سىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلاي؟! ئەي يەھۇدىيە خەلقى، سىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلاي؟! سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلار سەھەردىكى سۇس تۇمانغا ئوخشايدۇ، خۇددى شەبنەمدەك غايىب بولىدۇ. شۇڭا مەن پەيغەمبەر ئارقىلىق سىلەرنى قاتتىق تەنقىد قىلدىم، سۆزلىرىم بىلەن سىلەرنى ئۆلتۈردۈم. تاڭنىڭ ئېتىشى مۇقەررەر بولغىنىدەك مېنىڭ ھۆكۈملىرىم چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. قۇربانلىقنى ئەمەس، مەن رەھىمدىللىكنى ئىستەيمەن، مەنكى خۇدانى تونۇش كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىشتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. لېكىن ئۇلار ئادامدا ئەھدىنى بۇزدى. شۇ يەردە ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلدى. گىلئاد رەزىللىككە تولغان، قانغا مىلەنگەن شەھەردۇر. روھانىيلار خۇددى قاراقچىلاردەك كۈتۈپ تۇرىدۇ. شەكەمگە ماڭغانلارنى ئۆلتۈرۈپ، جىنايەت سادىر قىلىدۇ. مەن ئىسرائىلىيەدە يىرگىنچلىك ئىشلارنى كۆردۈم، ئىسرائىلىيە ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، ئۆزىنى بۇلغىدى. ئەي يەھۇدىيە، سىلەر ئۈچۈنمۇ مەن بىر جازا كۈنىنى بېكىتتىم.» پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھەر قېتىم ئىسرائىلىيە خەلقىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى، ئىسرائىلىيەلىكلەرنى داۋالىماقچى بولغىنىمدا، ئەفرايىمنىڭ گۇناھلىرى، سامارىيەنىڭ رەزىللىكلىرى ئاشكارىلىنىپ قالدى. ئۇلار ئالدامچىلىق قىلىدۇ. ئۆيلەرگە ئوغرىلىققا كىرىدۇ، كوچىلاردا قاراقچىلىق قىلىدۇ. لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پۈتۈن رەزىللىكلىرىنى ئېسىمدە تۇتىدىغانلىقىمنى ئويلىمايدۇ. ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرى ئۆزلىرىنى قورشاۋغا ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى دائىم ئالدىمدا ئاشكارىدۇر. ئۇلار رەزىللىكلىرى بىلەن پادىشاھنى، يالغانچىلىقلىرى بىلەن ئەمەلدارلارنى خۇش قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى زىناخور بولۇپ، ئۇلار خۇددى تونۇردىكى يالقۇنجاپ تۇرغان ئوتقا ئوخشايدۇ. خېمىر يۇغۇرۇلۇپ، ئېچىپ تەييار بولغۇچە، ناۋاينىڭ تونۇرغا يەنە ئوت سېلىشى كېرەك بولمايدۇ. پادىشاھ زىياپەت بەرسە، ئەمەلدارلىرى قاتتىق مەست بولۇشۇپ، رەزىللەر بىلەن تىل بىرىكتۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبى تونۇرغا ئوخشار، ئۇنىڭدا سۇيىقەست كۆيەر. ئۇلارنىڭ غەزىپى خۇددى ئوتتەك تونۇردا كېچىچە كۆيەر. تاڭ ئېتىشى بىلەن پارتلاپ چىقار. ئۇلارنىڭ غەزىپى خۇددى تونۇردىكى ئوتقا ئوخشاش پادىشاھلىرىنى يۇتۇپ كېتەر. شۇنچە كۆپ پادىشاھلىرى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلسىمۇ، ھېچكىم مەندىن ياردەم سورىمىدى. ئىسرائىلىيەلىكلەر يات خەلقلەر بىلەن ئارىلىشىپ ياشاپ، خۇددى بىر يۈزى پىشمىغان نانغا ئوخشاپ قالدى. يات خەلقلەر ئۇلارنىڭ كۈچىنى قۇرۇتتى، لېكىن ئۇلار بۇنىڭدىن خەۋەرسىز. چاچلىرى ئاقارسىمۇ، يەنىلا بۇنى ھېس قىلمايدۇ. ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى ئۆزلىرىگە قارشى گۇۋاھ بولىدۇ. لېكىن ئۇلار يەنىلا ئۆزلىرىنى تاللىغان مەن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ يولىغا قايتمايدۇ ھەم مەن خۇدانى ئىزدىمەيدۇ. ئىسرائىلىيە خەلقى خۇددى پاختەكتەك ئەقىلسىز ۋە دۆتتۇر. ئۇلار بىر دەم مىسىردىن ياردەم سورىسا، بىر دەم ئاسسۇرلارغا ئۇچىدۇ. ئۇلار ئۇچقاندا، مەن ئۇلارغا تور يايىمەن. خۇددى ئاسماندىكى قۇشلارنى تۇتقاندەك، ئۇلارنى تۇتىمەن. ئۇلارنىڭ توپلاشقانلىقىنى ئاڭلىسام، ئۇلارنى جازالايمەن. ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى ئۇلار مەندىن ۋاز كەچتى. ئۇلار ھالاك بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار مەندىن يۈز ئۆرۈدى! مەن ئۇلارنى قۇتقۇزۇشنى خالايمەن، لېكىن ئۇلار مەن ھەققىدە يالغان گەپ قىلىشىدۇ. ئۇلار چىن دىلىدىن ماڭا ئىلتىجا قىلىشمايدۇ، پەقەت تۆشەكلىرىدە يېتىشىپ يىغا-زار قىلىشىدۇ. ئۇلار مەندىن ۋاز كېچىپ، ساختا ئىلاھلىرىدىن ئاشلىق، شاراب تىلەپ، بەدەنلىرىنى تىلىشىدۇ. مەن ئۇلارنى تەربىيەلەپ، بىلەكلىرىنى كۈچلۈك قىلدىم، لېكىن ئۇلار ماڭا قارشى يامانلىق ئويلايدۇ. ئۇلار ماڭا، يەنى مەن ئۇلۇغ خۇدانىڭ يولىغا قايتىشنى خالىمايدۇ. ئۇلار خۇددى كېرەكسىز يادەكتۇر. ئۇلارنىڭ يېتەكچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئېيتقان ئەسەبىي سۆزلىرى سەۋەبىدىن قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ ۋە مىسىرلىقلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالىدۇ.» پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇرغا چالغىن! دۈشمەن مېنىڭ خەلقىمگە خۇددى بۈركۈتتەك ھۇجۇم قىلىدۇ. چۈنكى بۇ خەلق مېنىڭ ئەھدەمنى بۇزۇپ، قانۇنلىرىمغا خىلاپلىق قىلدى. ئىسرائىلىيەلىكلەر مەندىن: ‹ئى خۇدايىم، بىز سېنى تونۇدۇق› دەپ نىدا قىلىدۇ. لېكىن ئۇلار نېمە ياخشى بولسا، شۇنى رەت قىلىدۇ. شۇڭا دۈشمەنلەر ئۇلارنى قوغلايدۇ. ئۇلار مەندىن سورىماستىن پادىشاھلارنى تىكلىدى، ماقۇللۇقۇمنى ئالماستىن ئەمەلدارلارنى تەيىنلىدى. ئۇلار ئالتۇن، كۈمۈشتىن بۇت ياساپ، ئۆزلىرىنى ھالاك قىلىدىغان بولدى. سامارىيەلىكلەرنىڭ بۇ موزاي بۇتىنى رەت قىلىمەن، ئۇلارغا غەزىپىم ئوت بولۇپ يانىدۇ. ئۇلار يەنە قاچانغىچە ناپاك ياشايدۇ؟ بۇ موزاي بۇتنى ئىسرائىلىيەلىك ئۇستىلار ياسىغان، ئۇ ئىلاھ ئەمەستۇر. سامارىيەدە چوقۇنۇلغان بۇ بۇت پارە-پارە قىلىۋېتىلىدۇ. ئىسرائىلىيەلىكلەر شامال تېرىپ، بوراندىن ھوسۇل ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ زىرائەتلىرى دان تۇتمايدۇ، ئۇنىڭدىن ئۇن چىقمايدۇ. ھوسۇل ئالغان تەقدىردىمۇ، ھوسۇلىنى يات خەلقلەر يەيدۇ. ئىسرائىلىيە يۇتۇۋېلىندى، ئۇ باشقا ئەللەر ئارىسىدا كېرەكسىز قاچا-قۇچىغا ئوخشاپ قالدى. ئۇلار خۇددى سەرگەردان ياۋايى ئېشەكتەك، ئاسسۇرغا بېرىپ، ئۇلاردىن ياردەم تىلىدى. ئىسرائىلىيە خەلقى ئۆزلىرىنى ئاشنىلىرىغا ساتتى. گەرچە ئىسرائىلىيە ئۆزلىرىنى باشقا ئەللەرگە ساتقان بولسىمۇ، مەن ئەمدى ئۇلارنى يىغىپ، بىراقلا جازالايمەن. ئۇلار كۈچلۈك پادىشاھنىڭ زۇلۇمىدا ئازابلىنىدۇ. ئىسرائىلىيە خەلقى گۇناھلىرىنى يۇيۇش ئۈچۈن نۇرغۇن قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ياسىدى، لېكىن بۇ قۇربانلىق سۇپىلىرى ئۇلارنىڭ گۇناھ قىلىش ماكانى بولۇپ قالدى. مەن ئۇلارغا شۇنچە كۆپ قانۇنلارنى بەلگىلىدىم، لېكىن ئۇلار بۇ قانۇنلارنى غەلىتە ھېس قىلىپ، رەت قىلدى. ئۇلار ماڭا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ، گۆشلىرىنى ئۆزلىرى يېيىشتى. لېكىن مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ بۇ قۇربانلىقلىرىنى قوبۇل قىلمايمەن. مەن ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىنى ئېسىمدە تۇتۇپ، ئۇلارنى جازالايمەن. مەن چوقۇم ئۇلارنى مىسىرغا قايتۇرۇۋېتىمەن. ئىسرائىلىيە خەلقى ئۆزلىرىنى ئاپىرىدە قىلغان ئىگىسىنى ئۇنتۇپ قالدى، كۆپلەپ سارايلارنى قۇردى. يەھۇدىيە خەلقىمۇ نۇرغۇن شەھەرلىرىنى مۇستەھكەملىدى. لېكىن مەن ئۇلارنىڭ شەھەر ۋە قورغانلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايمەن.» ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، خۇشال بولماڭلار، يات ئەللەردەك خۇشال بولۇپ كەتمەڭلار! سىلەر ئېرىگە ساداقەتسىزلىك قىلغان پاھىشىگە ئوخشاش خۇدايىڭلارغا ساداقەتسىزلىك قىلدىڭلار. ئالغان ھوسۇلۇڭلارنى بائال ئاتا قىلدى دەپ بىلدىڭلار. لېكىن سىلەر يىغقان ئاشلىقىڭلارنى ئۆزۈڭلار يېيەلمەيسىلەر ۋە ئالغان شەربىتىڭلارنى ئىچەلمەيسىلەر، شارابىڭلارمۇ بولمايدۇ. ئەمدى سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ زېمىنىدا قالالمايسىلەر. سىلەر مىسىرغا قايتىسىلەر ھەم ئاسسۇردا ھارام يېمەكلىكلەرنى يەيسىلەر. سىلەر ئەمدى پەرۋەردىگارغا ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇنالمايسىلەر. سۇنغان قۇربانلىقلىرىڭلاردىنمۇ پەرۋەردىگار خۇرسەن بولمايدۇ. قۇربانلىقلىرىڭلارنى كىم يېسە، شۇ مۇسىبەت بولغان ئائىلىنىڭ تامىقىنى يېگەنگە ئوخشاش ناپاك بولىدۇ. سىلەرنىڭ قۇربانلىقىڭلار بىلەن پەقەت ئاچلىقنى بېسىشقىلا بولىدۇ، لېكىن ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئېلىپ كىرىشكە بولمايدۇ. ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، پەرۋەردىگار بەلگىلىگەن ھېيت-بايرام كۈنلىرى نېمىمۇ قىلارسىلەر؟! سىلەر ئاپەتتىن قېچىپ قۇتۇلساڭلارمۇ، مىسىر بەرىبىر سىلەرنى بىر يەرگە توپلايدۇ، نوپ شەھىرى سىلەرنى يەرگە كۆمىدۇ. كۈمۈشلىرىڭلار ئازغاننىڭ ئارىسىدا قالىدۇ، چېدىرىڭلارنى تىكەنلەر بېسىپ كېتىدۇ. جازا كۈنى كېلىشكە ئاز قالدى، جازالىنىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى! ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، بۇنى بىلىڭلار. سىلەرنىڭ گۇناھىڭلار ئېغىر، قەلبىڭلار ئۆچمەنلىككە تولغاندۇر. سىلەر: «پەيغەمبەرلەر ھاماقەت، پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلگەن ئادەملەر ساراڭ» دەيسىلەر. پەيغەمبەرلەر خۇدانىڭ ئىسرائىلىيە خەلقى ئۈچۈن ئەۋەتكەن كۆزەتچىلىرىدۇر. لېكىن ئۇلار قەيەرگە بارسا، شۇ يەردە ئۇلارنىڭ يولىغا تۇزاق قۇرۇلدى. ئۇلار خۇدانىڭ خەلقىنىڭ ئارىسىدا ئۆچمەنلىككە دۇچار بولدى. ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ گىبئاھتىكى بۇرۇنقى چاغلىرىغا ئوخشاش گۇناھى چېكىدىن ئاشتى. خۇدا ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىنى ئېسىدە ساقلاپ، ئۇلارنى گۇناھلىرى ئۈچۈن جازالايدۇ. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن دەسلەپ ئىسرائىللارنى تاپقاندا، خۇددى چۆللۈكتە ئۈزۈم تاپقاندەك بولغانىدىم، ئەجدادلىرىڭلارنى بىرىنچى قېتىم كۆرگەندە، خۇددى ئەنجۈر دەرىخىدىكى تۇنجى پىشقان ئەنجۈرلەرنى كۆرگەندەك بولغانىدىم. لېكىن ئۇلار بائال-پىئورغا كەلگەندە، ئۆزلىرىنى ئادەمنى نومۇس قىلدۇرىدىغان بۇتقا بېغىشلاشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرى ياخشى كۆرگەن ئاشۇ بۇتقا ئوخشاش يىرگىنچلىك بولۇپ قالدى. ئەمدى ئىسرائىلىيەنىڭ شەرىپى خۇددى قۇشتەك ئۇچۇپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى بالا تۇغالمايدۇ، قورساق كۆتۈرەلمەيدۇ، ھەتتا ھامىلىدارمۇ بولالمايدۇ. گەرچە ئۇلار بالا چوڭ قىلسىمۇ، لېكىن مەن ئۇلارنىڭ جېنىنى ئالىمەن، بىرسىنىمۇ تىرىك قالدۇرمايمەن. مەن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! مەن ئىسرائىلىيەنى كۆرگەندە، ئۇ تىر شەھىرىگە ئوخشاش، ناھايىتى گۈزەل جاي ئىدى. لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ بالىلىرىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىدۇ.» ئى پەرۋەردىگار، ئۇلارغا بەرگىن، قانداق جازانى خالىساڭ، شۇنى بەرگىن. ئۇلارنىڭ بويىدىن ئاجراپ كەتسۇن، ئەمچەكلىرى قۇرۇپ كەتسۇن. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ گىلگالدا قىلغان رەزىللىكلىرى ئۈچۈن، مەن ئۇلارغا شۇ يەردە نەپرەتلىنىشكە باشلىدىم. ئۇلارنىڭ قىلغان يامانلىقلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇلارنى زېمىنىمدىن قوغلاپ چىقىرىمەن. ئۇلارنى ئەمدى ياخشى كۆرمەيمەن. ئۇلارنىڭ بارلىق يېتەكچىلىرى ئاسىيلاردۇر. ئىسرائىلىيەلىكلەر زەربىگە ئۇچرايدۇ، ئۇلارنىڭ يىلتىزلىرى قۇرۇپ كېتىدۇ، ئەمدى مېۋە بەرمەيدۇ. گەرچە پەرزەنت يۈزى كۆرگەن تەقدىردىمۇ، مەن ئۇلارنىڭ سۆيۈملۈك بالىلىرىنى ئۆلتۈرىمەن.» خۇدايىم ئۇلارنى چوقۇم رەت قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمىدى. ئۇلار چوقۇم يات ئەللەردە سەرگەردان بولىدۇ. ئىسرائىلىيە بۈك-باراقسان ئۈزۈمزارلىق ئىدى. ئۈزۈملىرى شۇنداق ئوخشايتتى. لېكىن ئۈزۈملىرى قانچە ئوخشىغانسېرى، ئىسرائىلىيەلىكلەر بۇتلىرى ئۈچۈن قۇربانلىق سۇپىلىرىنى كۆپلەپ ياسىدى. يېرىدىن چىققان مەھسۇلاتلىرى قانچە مول بولغانسېرى، ئۇلار بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلەرنى شۇنچە بېزىدى. ئۇلارنىڭ كۆڭلى ھىيلىگە تولغاندۇر، ئەمدى ئۇلار جازالىنىشى كېرەك. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ بۇتلىرى ئۈچۈن ياسىغان قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ۋەيران قىلىدۇ، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىنىمۇ چېقىپ تاشلايدۇ. ئۇ چاغدا ئۇلار: «بىز پەرۋەردىگارغا ھۆرمەت قىلمىغانلىقىمىز ئۈچۈن، بىزنىڭ پادىشاھىمىز يوق. پادىشاھىمىز بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ بىزگە نېمە قىلىپ بېرەتتى؟» دەيدۇ. ھەقىقەتەن پادىشاھلار يالغان گەپ قىلىدۇ، يالغان قەسەم قىلىدۇ، يالغاندىن ئىتتىپاق تۈزىدۇ. شۇڭا ئېتىزلاردا زەھەرلىك چۆپلەر كۆپىيىپ كەتكەندەك، دەۋالارمۇ كۆپىيىپ كەتتى. سامارىيەلىكلەر بەيتئاۋەندىكى موزاي بۇتتىن ئەنسىرەيدۇ، موزاي بۇتقا چوقۇنغانلار ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتىدۇ. بۇتپەرەس روھانىيلارمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن يىغلايدۇ. موزاي بۇتنىڭ شان-شەرىپىدىن خۇرسەن بولغانلار ھازا تۇتىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۇلاردىن ئايرىلىدۇ. ئۇ ئاسسۇرغا ئېلىپ بېرىلىپ، قۇدرەتلىك ئاسسۇر پادىشاھىغا سوۋغا قىلىنىدۇ. ئەفرايىم شەرمەندە بولىدۇ، ئىسرائىلىيە ئۈمىدىنى بۇتقا باغلىغانلىقى ئۈچۈن، نومۇستا قالىدۇ. سامارىيەنىڭ پادىشاھى ھالاك بولىدۇ، ئۇ خۇددى سۇ ئۈستىدە لەيلەپ يۈرگەن قۇرغاق شاختەك غايىب بولىدۇ. ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ گۇناھ سادىر قىلغان سەجدىگاھلىرى ۋەيران قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى تىكەن ۋە ئازغان بېسىپ كېتىدۇ. ئىسرائىلىيەلىكلەر تاغلارغا: «بىزنى بېسىڭلار!»، ئېدىرلارغا: «ئۈستىمىزگە غۇلاڭلار» دەپ ئۆتۈنىدۇ. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئىسرائىلىيەلىكلەر، گىبئاھتا بولغان ۋاقىتتىن بۇيان گۇناھ قىلىپ كەلدىڭلار، پەقەت ئۆزگەرمىدىڭلار. ئەجەبا ئۇرۇش بالاسى قايتىدىن گىبئاھقا كەلمەسمۇ؟! مەن خالىغان ۋاقتىمدا سىلەرنى جازالايمەن. ئەللەر بىرلىشىپ، سىلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ. قوش گۇناھلىرىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى جازالايدۇ. ئەفرايىم ئۆگىتىلگەن ئىنەكتۇر، خامان تېپىشنى ياخشى كۆرىدۇ. مانا ئەمدى ئۇنىڭ گۈزەل بوينىغا بويۇنتۇرۇق سالىمەن. يەھۇدىيەنى سوقىغا قېتىپ، ياقۇپنى سۆرەمگە سالىمەن. سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ھەققانىيلىق ئۇرۇقىنى تېرىڭلار، ئۇنىڭدىن مېھىر-مۇھەببەت ھوسۇلى ئېلىڭلار. قەلب ئېتىزىڭلارنى يۇمشىتىڭلار. ھازىر مەن پەرۋەردىگارىڭلارنى ئىزدەشنىڭ ۋاقتى كەلدى. ئۇ كېلىپ، ئۈستۈڭلارغا ھەققانىيلىقنىڭ يامغۇرىنى ياغدۇرىدۇ. لېكىن سىلەر رەزىللىك تېرىپ، ئادالەتسىزلىكتىن ھوسۇل ئالدىڭلار، يالغانچىلىقنىڭ مېۋىسىنى يېدىڭلار. سىلەر ئۆزۈڭلار ئىشەنگەن يولۇڭلاردا ماڭدىڭلار ۋە لەشكەرلىرىڭلارنىڭ كۆپلۈكىگە ئىشەندىڭلار. شۇڭا ئۇرۇش چۇقانلىرى سىلەردىن ئاڭلىنىدۇ، بارلىق قەلئەلىرىڭلار ۋەيران بولىدۇ. خۇددى پادىشاھ شالمان بەيت-ئاربالنى ئۇرۇشتا ۋەيران قىلغاندەك ۋەيران بولىدۇ. ئۇ چاغدا ئانىلار بوۋاقلىرى بىلەن بىرگە يەرگە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئەي بەيتەللىكلەر، سىلەرمۇ ئوخشاش تەقدىرگە دۇچار بولىسىلەر، چۈنكى رەزىللىكىڭلار چېكىدىن ئاشتى. شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇ، ئۇ كۈن تاڭ ئاتقاندا ئىسرائىلىيە پادىشاھى پۈتۈنلەي ۋەيران بولىدۇ.» پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىسرائىل خەلقىنى بالا ۋاقتىدا سۆيدۈم. ئوغلۇمنى مىسىردىن مەن چاقىردىم. مەن خەلقىمنى قانچە چاقىرغانچە، ئۇلار مەندىن شۇنچە يىراقلاشتى. بائالغا قۇربانلىق قىلىپ، بۇتلارغا كۈجە كۆيدۈردى. ئىسرائىلىيەگە مېڭىشنى ئۆگەتكىنى مەن ئىدىم. مەن ئۇلارنىڭ قولىنى تۇتۇپ يېتەكلىدىم. ئۇلار شىپالىق بەرگەنلىكىمنى بىلمىدى. مەن ئۇلارنى مېھرىبانلىق ئارغامچىسى ۋە مۇھەببەت يىپى بىلەن يېتەكلىدىم. ئۇلارنىڭ بوينىدىكى بويۇنتۇرۇقنى بوشىتىپ، ئۇلارغا غىزا بېرىش ئۈچۈن ئېگىلدىم. ئۇلار مىسىرغا قايتۇرۇلىدۇ، ئاسسۇر ئۇلارنى باشقۇرىدۇ. چۈنكى ئۇلار مېنىڭ يولۇمغا قايتىشنى رەت قىلدى. قىلىچ ئۇلارنىڭ شەھىرىگە باستۇرۇپ كېلىدۇ ۋە شەھەر دەرۋازىلىرىنى ۋەيران قىلىدۇ. ئۇلار يامان نىيەتلىرى سەۋەبىدىن بەربات بولىدۇ. خەلقىم دائىم مەندىن يۈز ئۆرۈيدۇ. گەرچە ئۇلار مېنى ئۇلۇغ خۇدا دەپ چاقىرسىمۇ، لېكىن مەن ئۇلارنى يۇقىرىغا كۆتۈرمەيمەن. ئەي ئىسرائىلىيە، مەن سەندىن قانداقمۇ ۋاز كېچەي، سېنى قانداقمۇ تاشلىۋېتەي، سېنى قانداقمۇ ئادماھ شەھىرىگە ئوخشاش گۇمران قىلاي، ساڭا قانداقمۇ زىبويىم شەھىرىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلاي؟! كۆڭلۈم بۇنداق قىلىشقا ئۇنۇمايدۇ، چۈنكى قەلبىم مۇھەببەتكە تولۇپ تاشقاندۇر. مەن سېنى قەھر-غەزىپىم بىلەن جازالىمايمەن ھەم سېنى ۋەيران قىلىشنى قايتا ئويلىمايمەن. چۈنكى مەن ئىنسان ئەمەس، خۇدادۇرمەن، ئاراڭلاردىكى مۇقەددەس خۇدادۇرمەن. مەن غەزەپ بىلەن كەلمەيمەن. بىر كۈنى خەلقىم ماڭا ئەگىشىدۇ، مەن شىردەك ھۆركىرەيمەن. ھۆركىرىگىنىمدە، پەرزەنتلىرىم غەرب تەرەپتىن تىترىگەن ھالدا كېلىشىدۇ. ئۇلار خۇددى مىسىردىن قۇشقاچلاردەك، ئاسسۇردىن كەپتەرلەردەك تىترىگەن ھالدا قايتىپ كېلىشىدۇ. مەن ئۇلارنى ماكانلىرىغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.» ئىسرائىلىيە خەلقى يالغانچىلىقى ۋە ھىيلىگەرلىكى بىلەن مېنى قورشىۋالدى. يەھۇدىيە خەلقىمۇ خۇداغا، يەنى ئىشەنچلىك ۋە مۇقەددەس خۇداغا ئىتائەت قىلمايدۇ. ئىسرائىلىيە خەلقى شامالنى ئوزۇق قىلار، كۈن بويى شەرق شامىلىنى قوغلاپ يۈرەر. ئۇلارنىڭ يالغانچىلىق ۋە زوراۋانلىقى كۆپەيمەكتە. ئۇلار ئاسسۇر بىلەن ئىتتىپاق تۈزىدۇ، مىسىرغا زەيتۇن يېغى ئەۋەتىدۇ. پەرۋەردىگار يەھۇدىيەنى ئەيىبلەيدۇ، ياقۇپنى تۇتقان يولىغا لايىق، قىلمىشلىرىغا مۇۋاپىق جازالايدۇ. ياقۇپ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدا ئاكىسىنىڭ تاپىنىنى تۇتۇۋالغانىدى، كېيىن ئۇ چوڭ بولۇپ، خۇدا بىلەن ئېلىشتى. ئۇ پەرىشتە بىلەن ئېلىشىپ، ئۇنى يەڭدى. كېيىن ئۇ يىغلاپ، پەرىشتىدىن بەخت تىلىدى. ئۇ بەيتەلدە خۇدا بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ يەردە خۇدا ھەممىمىز بىلەن پاراڭلاشتى. پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك سەردار خۇدادۇر، ئۇنىڭ نامى «ياھۋەھ»تۇر. شۇڭا سىلەر خۇدايىڭلارنىڭ يولىغا قايتىڭلار، مېھىر-مۇھەببەتلىك ۋە ئادالەتلىك بولۇڭلار، ھەمىشە خۇدادىن ئۈمىد كۈتۈڭلار. ئىسرائىلىيە خەلقى سەمىمىيەتسىز سودىگەرگە ئوخشايدۇ، ئۇلار قولىدىكى ساختا تارازا بىلەن باشقىلارنى ئالداشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار ماختىنىپ: «بىز باي بولدۇق، ئۆزىمىزگە تايىنىپ باي بولدۇق، ھېچكىم بىزدىن خاتالىق ياكى گۇناھ تاپالمايدۇ» دەيدۇ. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «لېكىن مىسىردىكى ۋاقتىڭلاردىن بۇيان، مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئىدىم. سىلەر بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا چېدىردا تۇرغىنىڭلاردەك، مەن سىلەرنى يەنە چېدىردا تۇرغۇزىمەن. مەن سىلەرگە پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق نۇرغۇن غايىبانە ئالامەتلەرنى كۆرسەتتىم ۋە تەمسىللەرنى سۆزلىدىم.» گىلئادلىقلار گۇناھقا پاتمىدىمۇ؟ ئۇلار ھەقىقەتەن يارامسىز خەلقتۇر. ئادەملەر گىلگالدا بۇقىلارنى قۇربانلىق قىلمىدىمۇ؟ لېكىن ئۇلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرى ۋەيران قىلىنىپ، ئېتىز قىرىدىكى تاش دۆۋىلىرىگە ئوخشاپ قالىدۇ. ياقۇپ ئاررام رايونىغا قېچىپ كەتكەنىدى. ئۇ يەردە ئۇ ئۆيلىنىش ئۈچۈن بىرسىگە خىزمەتكار بولدى، خوتۇن ئېلىش ئۈچۈن قوي باقتى. پەرۋەردىگار پەيغەمبەر ئەۋەتىپ، ئىسرائىللارنى مىسىردىن باشلاپ چىقتى ھەم شۇ پەيغەمبەر ئارقىلىق ئۇلارنى قوغدىدى. لېكىن ئىسرائىلىيە خەلقى پەرۋەردىگارنى قاتتىق رەنجىتتى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىگىسى بولغان پەرۋەردىگار ئۇلاردىن قانغا قان ئالىدۇ، خورلۇقنى خورلۇق بىلەن قايتۇرىدۇ. ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەر ئارىسىدىكى ئورنى ئەڭ يۇقىرىدۇر. ئۇلار ئېغىز ئاچسىلا، ئادەملەر قورققىنىدىن تىترەپ كېتىشىدۇ. لېكىن ئۇلار بائالغا چوقۇنۇپ، گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرىنى ۋەيران قىلىشتى. ھازىر ئۇلار گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلىشماقتا. ئۇلارنىڭ ئۇستىلىرى ئۆز تەسەۋۋۇرى ۋە ھۈنىرىگە تايىنىپ، كۈمۈشلىرى بىلەن بۇت ياسايدۇ. ئاندىن باشقىلار ئۇلار ھەققىدە: «ئۇلار ئادەملەرنى قۇربانلىق قىلارمىش، موزاي بۇتلارنى سۆيەرمىش» دېيىشىدۇ. شۇڭا ئۇلار خۇددى سەھەردىكى تۇمان ۋە ئەتىگەندىكى شەبنەمدەك، خامان ئۈستىدە ئۇچۇپ يۈرگەن توپاندەك، تۇرخۇندىن ئۇچۇپ چىققان ئىستەك بىر دەمدىلا غايىب بولىدۇ. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر مىسىردىن چىققاندىن بېرى مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلاردۇرمەن. مەندىن باشقا خۇداغا ئېتىقاد قىلماڭلار، مەندىن باشقا قۇتقۇزغۇچىڭلار يوقتۇر. مەن قۇرغاق چۆل-جەزىرىدە ھالىڭلاردىن خەۋەر ئالدىم. مەن سىلەرنى غىزالاندۇردۇم ۋە تويدۇردۇم. لېكىن قورسىقىڭلار تويغاندىن كېيىن، سىلەر ھاكاۋۇرلىشىپ، مېنى ئۇنتۇدۇڭلار. شۇڭا مەن سىلەرگە شىرغا ئوخشاش ھۇجۇم قىلىمەن، يول بويىدا يىلپىز كەبى پايلاپ تۇرىمەن. مەن سىلەرگە خۇددى بالىسىدىن ئايرىلغان ئېيىقتەك ئېتىلىپ، تېنىڭلارنى پارە-پارە قىلىۋېتىمەن. شۇنداق، مەن سىلەرنى شىردەك يۇتۇۋېتىمەن، ياۋايى ھايۋانلاردەك تىتىۋېتىمەن. ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، مەن سىلەرنى ۋەيران قىلىمەن. چۈنكى سىلەر ماڭا، يەنى مەدەتكارىڭلارغا قارشى تۇرۇۋاتىسىلەر. پادىشاھىڭلار قېنى؟ ئۇ سىلەرنى ھەممە شەھىرىڭلاردا قۇتقۇزالامدۇ؟ يېتەكچىلىرىڭلار نەدە؟ سىلەر بۇرۇن: ‹بىزگە پادىشاھ ۋە شاھزادىلەر بەرگەيسەن؟› دەپ يالۋۇردۇڭلار، مەن غەزەپلەنسەممۇ، يەنىلا سىلەرگە پادىشاھ بەردىم. ئەمدى دەرغەزەپ بىلەن پادىشاھىڭلارنى ئەمەلدىن قالدۇرىمەن. ئىسرائىلىيەنىڭ گۇناھلىرى خاتىرىلەنگەندۇر، ئۇلار ساقلىنىدۇ. ئۇ تولغىقى تۇتقان ئانىنىڭ ئەقىلسىز ئوغلىدۇر. تۇغۇت ۋاقتى كەلگەندە، ئۇ ئانىسىنىڭ قارنىدىن چىقىشنى خالىمايدۇ. مەن ئۇنى گۆردىن، يەنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزايمۇ؟ ئەي ئۆلۈم، ئېلىپ كەل ۋابايىڭنى! ئەي ئۆلۈكلەر ماكانى، كۆرسەت ھالاكىتىڭنى! مەن ئەمدى ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتمايمەن. گەرچە ئىسرائىلىيەلىكلەر قېرىنداشلىرى ئارىسىدا گۈللەنسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇلاقلىرى ۋە قۇدۇقلىرى مەن پەرۋەردىگار شەرقتىن، يەنى قۇملۇقتىن ئەۋەتكەن ئىسسىق شامالدا قۇرۇپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ خەزىنىسىدىكى ھەممە بايلىقلىرى بۇلاپ كېتىلىدۇ. سامارىيە قىلغان گۇناھلىرى ئۈچۈن چوقۇم جازالىنىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆز خۇداسىغا ئاسىيلىق قىلدى. ئۇلار قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ، بالىلىرى يەرگە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلىدۇ، ھامىلىدار ئاياللىرىنىڭ قارنى يېرىلىدۇ.» ئەي ئىسرائىلىيەلىكلەر، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ يولىغا قايتىڭلار! گۇناھىڭلار سىلەرنى يىقىتتى. توۋا قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتىڭلار ۋە مۇنداق دۇئا قىلىڭلار: «بارلىق گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن، شاپائەت قىلىپ، بىزنى قوبۇل قىلغايسەن، مەدھىيەلىرىمىزنى قۇربانلىق ئورنىدا قوبۇل قىلغايسەن! ئاسسۇرلار بىزنى قۇتقۇزالمايدۇ، ئەمدى جەڭ ئاتلىرىغا ئىشەنمەيمىز. ئۆزىمىزنىڭ قوللىرى بىلەن ياسىغان بۇتلارنى ئەمدى ھەرگىز ئىلاھىمىز دېمەيمىز. ئى پەرۋەردىگار، يېتىم ئىسرائىلىيە سەندىنلا رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشىدۇ.» پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇلارنىڭ ساداقەتسىزلىك كېسىلىنى داۋالايمەن، ئۇلارنى چەكسىز سۆيىمەن، ئۇلارغا بولغان غەزىپىم بېسىلدى. مەن ئىسرائىلىيە خەلقىگە شەبنەم بولىمەن. ئۇلار خۇددى پىيازگۈلدەك ئېچىلىدۇ، لىۋاننىڭ دەرەخلىرىدەك يىلتىز تارتىدۇ. ئۇلار يۇمران بىخ چىقىرىپ، زەيتۇن دەرىخىدەك گۈزەللىشىدۇ، لىۋاننىڭ كېدىر دەرەخلىرىدەك پۇراق چاچىدۇ. ئۇلار ماڭا قايتىپ، مېنىڭ سايەمدە ياشايدۇ. ئۇلار زىرائەتلەردەك كۆكلەيدۇ، ئۈزۈم تاللىرىدەك چىرايلىق چېچەكلەيدۇ. لىۋان شارابىدەك نامى جاھانغا تارايدۇ. ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، مېنىڭ بۇتلار بىلەن ئىشىم يوق، سىلەرنىڭمۇ ئىشىڭلار بولمىسۇن. دۇئايىڭلارغا قۇلاق سالغۇچى ۋە ھالىڭلاردىن خەۋەر ئالغۇچى مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. مەن بۈك-باراقسان قارىغايغا ئوخشايمەن. مەن ئالغان مول ھوسۇلۇڭلارنىڭ مەنبەسىدۇرمەن.» دانالار بۇ ئىشلارنى چۈشەنسۇن، ئەقلى بارلار بۇ ئىشلارنى بىلىپ يەتسۇن. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ يولى ھەق يولدۇر. ھەققانىيلار بۇ يولدا ماڭار، گۇناھكارلار ئۇنىڭدا پۇتلىشىپ يىقىلار. بۇ پەرۋەردىگاردىن پىتۇئېلنىڭ ئوغلى يوئېلغا كەلگەن ۋەھىيلەردۇر. ئەي ئاقساقاللار، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئەي يەھۇدىيە خەلقى، ئاڭلاڭلار! ئەجدادلىرىڭلارنىڭ ۋە سىلەرنىڭ زامانىڭلاردا يۈز بېرىپ باققانمۇ بۇنداق ئىشلار؟ بۇ ئىشلارنى پەرزەنتلىرىڭلارغا سۆزلەپ بېرىڭلار، پەرزەنتلىرىڭلار ئۆزلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىگە سۆزلەپ بەرسۇن. ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىگە سۆزلەپ بەرسۇن. بىر توپ يېتىلگەن چېكەتكىلەر كېلىپ، بىر قىسىم زىرائەتلەرنى يەپ كەتتى، ئۇنىڭدىن قالغىنىنى بىر توپ كۈزلۈك چېكەتكىلەر كېلىپ يېدى، ئۇنىڭدىن قالغىنىنى يېڭى بىر توپ پىيادە چېكەتكىلەر كېلىپ يېدى، ئۇنىڭدىنمۇ قالغىنىنى باشقا بىر توپ يېتىلگەن چېكەتكىلەر كېلىپ يەپ تۈگەتتى. ئەي مەستلەر، ئويغىنىڭلار، يىغلاڭلار. ئەي مەيخورلار، ھەممىڭلار پەرياد قىلىڭلار. يوقتۇر ئەمدى سىلەرنىڭ ئىچكۈدەك شارابىڭلار! بىر توپ چېكەتكە خۇددى بىر ئەلگە ئوخشاش، زېمىنىمىزغا ھۇجۇم قىلدى. ئۇلار كۈچلۈك ھەم سان-ساناقسىز ئىدى. ئۇلاردا ئەركەك شىرنىڭ چىشلىرى، چىشى شىرنىڭ ئۆتكۈر چىشلىرى بار ئىدى. ئۇلار ئۈزۈمزارلىقىمىزنى ۋەيران قىلدى، ئەنجۈرلۈكىمىزنى پايخان قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ قوۋزاقلىرىنى سويۇپ، پەقەت قۇرۇق شاخلىرىنى قالدۇردى. ئەي خەلقىم، سىلەر توي قىلىشقا پۈتۈشكەن يىگىتى ئۆلۈپ كەتكەن قىزغا ئوخشايسىلەر، ماتەملىك كىيىم كىيىپ، ھازا تۇتۇڭلار. پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى يېمەكلىك ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىمۇ توختىدى. پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان روھانىيلار ھازا تۇتماقتا. ئېتىزدىكى زىرائەتلەر ۋەيران بولدى، يەرلەر ھازا تۇتماقتا. ئاشلىقلار خاراب بولدى، شاراب تۈگىدى، زەيتۇن يېغىمۇ يوق بولدى. ئەي دېھقانلار، قايغۇرۇڭلار! ئەي باغۋەنلەر، نالە-پەرياد قىلىڭلار! چۈنكى ئېتىزدىكى بۇغداي ۋە ئارپىلار ۋەيران بولدى. پۈتۈن ھوسۇلۇڭلار خاراب بولدى. ئۈزۈم تاللىرى قۇرۇدى، ئەنجۈرلەر سولىشىپ قالدى، باغدىكى ئانار، خورما ۋە ئالما دەرەخلىرى ئۆلدى. كىشىلەردە خۇشاللىقتىن ئەسەرمۇ قالمىدى. ئەي روھانىيلار، ماتەملىك كىيىم كىيىپ، ھازا تۇتۇڭلار. ئەي قۇربانلىق سۇپىسى ئالدىدىكى خىزمەتكارلار، نالە-پەرياد قىلىڭلار، ئەي خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى، كېچىدە ماتەملىك كىيىمىڭلار بىلەن يېتىڭلار. چۈنكى، ئەمدى خۇدايىڭلارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا سۇنىدىغان ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرى قالمىدى. روزا تۇتۇشقا چاقىرىڭلار، مۇقەددەس يىغىلىشنى ئېلان قىلىڭلار. زېمىنىڭلاردىكى ئاقساقاللار ۋە بارلىق خەلقنى يىغىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا پەرۋەردىگارغا يىغلاڭلار. پەرۋەردىگارنىڭ سوراق كۈنىنىڭ كېلىدىغانلىقىغا ئاز قالدى، ئۇ كۈن شۇنچە دەھشەتلىكتۇر! ئۇ ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان كۈنىدۇر. يېمەكلىكلىرىمىز كۆز ئالدىمىزدا ئېلىپ كېتىلدى. خۇدايىمىزنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى شاد-خۇراملىق غايىب بولدى. ئۇرۇقلار تۇپراقتا سېسىپ كەتتى، زىرائەتلەر قۇرۇپ كەتتى، ئاشلىق ئامبارلىرى بوش قالدى، ئۇلار خاراب بولدى. چارۋا ماللار ئاچلىقتىن نالە قىلماقتا، كالا پادىلىرى ئوت تاپالماي، ھەر تەرەپكە قاترىماقتا، قوي پادىلىرىمۇ قىينالماقتا. ئى پەرۋەردىگار، ساڭا يالۋۇرىمەن، چۈنكى ئوتلاقلارنى ئوت يالماپ كەتتى، دالادىكى دەرەخلەرنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلدى. ياۋايى ھايۋانلارمۇ ھالسىراپ، سەندىن ياردەم كۈتىدۇ. چۈنكى ئېرىقلار قۇرۇپ كەتتى، دالادىكى ئوتلاقلارنى ئوت كۆيدۈرۈپ تۈگەتتى. سىئوندا بۇرغا چېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس تېغىدىن خەلقنى ئاگاھلاندۇرۇڭلار! زېمىندىكى بارلىق ئادەملەر تىترىسۇن! پەرۋەردىگارنىڭ سوراق كۈنى يېقىنلاپ كەلمەكتە، ئاز قالدى. ئۇ كۈن قاراڭغۇ، زۇلمەتلىك ۋە قارا بۇلۇتلۇق كۈندۇر. قاراڭغۇلۇق تاغلارنى قاپلىغاندەك، زور كۈچلۈك قوشۇن زېمىننى قاپلايدۇ. بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىشلار بۇرۇنمۇ بولمىغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئوت يانىدۇ، ئارقىسىدىمۇ ئاتەش يالقۇنلايدۇ. ئۇلار كېلىشتىن بۇرۇن زېمىن ئېرەم باغدەك گۈزەل بولسا، كېلىپ كەتكەندىن كېيىن قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ. ھېچنېمە ئۇلاردىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئۇلارنىڭ كۆرۈنۈشى ئاتقا ئوخشايدۇ، ئۇلار خۇددى ئۇرۇش ئېتىدەك چېپىپ يۈرۈشىدۇ. ئۇلاردىن جەڭ ھارۋىلىرىدەك چاراسلىغان ئاۋاز چىقىدۇ. ئۇلار تاغ چوققىلىرىدا سەكرەپ يۈرىدۇ. ئۇلاردىن يەنە قۇرۇق چۆپلەر كۆيگەندەك قاراسلىغان ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ. ئۇلار خۇددى ئۇرۇشقا سەپ تۈزگەن چوڭ قوشۇنغا ئوخشايدۇ. خەلق ئۇلارنى كۆرۈپ، ھوشىنى يوقىتىدۇ ۋە چىرايلىرىدا قان قالمايدۇ. ئۇلار ھۇجۇم قىلىۋاتقان باتۇرلارغا، سېپىلغا يامىشىۋاتقان لەشكەرگە ئوخشايدۇ. ئۇلار سەپ بويىچە ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، سەپلىرىنى قەتئىي بۇزمايدۇ. ھېچكىم بىر-بىرىنى قىستاشماي، ھەركىم ئۆز يولىدا ئالدىغا قاراپ ماڭىدۇ. ئۇلار توسۇقلاردىن بۆسۈپ ئۆتىدۇ، ھېچكىم ئۇلارنى توسالمايدۇ. ئۇلار شەھەرگە قاراپ ئېتىلىدۇ، سېپىللارنىڭ ئۈستىدە چېپىشىدۇ. ئۆيلەرگە يامىشىدۇ، دېرىزىلەردىن ئوغرىدەك كىرىدۇ. ئۇلار نەگىلا بارسا، ئاسمان-زېمىن تىترەيدۇ. كۈن، ئاي تۇتۇلىدۇ، يۇلتۇزلارمۇ چاقنىمايدۇ. پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ بۇ خاس «قوشۇن»ىغا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ، ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ سانى يوقتۇر. ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلغانلار كۈچلۈكتۇر. پەرۋەردىگارنىڭ سوراق كۈنى شۇنچىلىك قورقۇنچلۇقتۇر، ئۇنىڭغا كىممۇ بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟ پەرۋەردىگار: «ھازىرمۇ روزا تۇتۇڭلار، يىغلاڭلار، ھازا ئېچىڭلار، پۈتۈن قەلبىڭلار بىلەن يولۇمغا قايتىڭلار» دەيدۇ. كىيىمىڭلارنى ئەمەس، قەلبىڭلارنى يىرتىپ، ئۆزگىرىڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ يولىغا قايتىڭلار! چۈنكى ئۇ شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىلدۇر، ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيدۇ، چەكسىز مېھىر-مۇھەببەتلىكتۇر. بالايىئاپەت كەلتۈرۈشنى خالىمايدۇ. كىم بىلىدۇ، بەلكىم ئۇ نىيىتىنى ئۆزگەرتىپ، سىلەرگە ئىچى ئاغرىشى ۋە بەخت ئاتا قىلىپ، مول ھوسۇل بېرىشى مۇمكىن. ئۇ چاغدا سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا يېمەكلىك ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇنالايسىلەر. سىئون تېغىدا بۇرغا چېلىڭلار، روزا تۇتۇشقا چاقىرىڭلار، مۇقەددەس يىغىلىشنى ئېلان قىلىڭلار. خەلقنى يىغىڭلار، ئۇلار ئۆزلىرىنى پاكلىسۇن. ياشانغانلارنى ۋە بالىلارنى يىغىڭلار، ھەتتا بوۋاقلارمۇ يىغىلسۇن. يېڭى توي قىلغان قىز-يىگىتلەر ھۇجرىلىرىدىن چىقسۇن. پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان روھانىيلار ئىبادەتخانىنىڭ كىرىش ئېغىزى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئارىلىقىغا يىغىلسۇن. ئۇلار مۇنداق دەپ دۇئا قىلسۇن: «ئى پەرۋەردىگار، ئۆز خەلقىڭنى ئايىغايسەن. ئۆز خەلقىڭنى يات ئەللەرنىڭ خورلۇقى ۋە مەسخىرىسىگە قالدۇرمىغايسەن. يات ئەللەرنىڭ ‹قېنى ئۇلارنىڭ خۇداسى؟› دېگەن سۆزىگە قويمىغايسەن.» ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار ئۆز زېمىنىغا ئېچىنىپ، خەلقىگە ئىچ ئاغرىتىدۇ. ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرگە ئاشلىق، شاراب ۋە زەيتۇن يېغى بېرىمەن، سىلەرنى تويدۇرىمەن. ئەمدى سىلەرنى باشقا ئەللەردە يەنە خار قىلمايمەن. شىمالدىن كەلگەن دۈشمەننى قوغلاپ چىقىرىمەن، ئۇلارنى قاقاس ۋە چۆل بىر يەرگە قوغلىۋېتىمەن. ئالدىن يۈرەر قوشۇننى ئۆلۈك دېڭىزغا، قالغان قوشۇنلارنى ئوتتۇرا دېڭىزغا غەرق قىلىمەن. ئۇلارنىڭ ئۆلۈكلىرىنىڭ سېسىق پۇرىقى جاھاننى بىر ئالىدۇ.» پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن بۈيۈك ئىشلارنى قىلدى. ئەي زېمىن، قورقما، خۇشال بول، شادلان! چۈنكى پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن بۈيۈك ئىشلارنى قىلدى. ئەي دالادىكى ھايۋانلار، قورقماڭلار، ئوتلاقلار ياپيېشىل كۆكلەيدۇ، مېۋىلىك دەرەخلەر مېۋە بېرىدۇ، ئەنجۈر، ئۈزۈم شاخلىرى مېۋىگە تولىدۇ. ئەي سىئون خەلقى، شادلىنىڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن خۇشاللىق تېپىڭلار. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا يامغۇرلارنى ياغدۇرىدۇ، چۈنكى ئۇ بىزگە ساداقەتلىكتۇر. سىلەرگە بۇرۇنقىغا ئوخشاش كۈز ۋە باھار يامغۇرى ياغدۇرۇپ بېرىدۇ. خامىنىڭلار ئاشلىققا تولىدۇ، شاراب ۋە زەيتۇن يېغىڭلار كۈپلەرگە پاتماي قالىدۇ. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «كۈزلۈك چېكەتكىلەر، پىيادە چېكەتكىلەر، يېتىلگەن چېكەتكىلەر ۋە باشقا بىر توپ يېتىلگەن چېكەتكىلەر يەپ كەتكەن زىرائەتلەرنى ئەمدى مەن سىلەرگە تولۇقلاپ بېرىمەن. ئۇ كۈچلۈك ‹قوشۇن›نى سىلەرگە قارشى مەن ئەۋەتكەنىدىم. سىلەر ئەمدى تويغۇچە يەيسىلەر، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ نامىنى مەدھىيەلەيسىلەر، چۈنكى مەن سىلەر ئۈچۈن بۈيۈك ئىشلارنى قىلدىم. ئەمدى مېنىڭ خەلقىم قايتا نومۇسقا قالمايدۇ. ئۇ ۋاقىتتا سىلەر مېنىڭ ئىسرائىلىيەدە ئىكەنلىكىمنى، مېنىڭ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئىكەنلىكىمنى ۋە مەندىن باشقا ئىلاھنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر. ئەمدى مېنىڭ خەلقىم بولغان سىلەر قايتا نومۇسقا قالمايسىلەر.» پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئىشلاردىن كېيىن، مەن پۈتكۈل ئىنسانلارنى ئۆزۈمنىڭ روھىغا چۆمدۈرىمەن، ئوغۇل-قىزلىرىڭلار ۋەھىيلىرىمنى يەتكۈزىدۇ. سۆزلىرىم ياشانغانلارغا چۈشلىرى ئارقىلىق، يىگىتلەرگە غايىبانە ئالامەتلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ. ئاشۇ كۈنلەردە مەيلى قۇل، مەيلى دېدەك بولسۇن، ھەممىسىنى روھىمغا چۆمدۈرىمەن. مەن ئاسمان-زېمىندا مۆجىزە كۆرسىتىمەن، سىلەر قان، ئوت ۋە تۈتۈنلەرنى كۆرىسىلەر. قۇياش غۇۋالىشىدۇ، ئاي قان رەڭگىگە كىرىدۇ. پەرۋەردىگارنىڭ بۈيۈك ۋە ھەيۋەتلىك كۈنى كېلىشتىن بۇرۇن، بۇ ئىشلار يۈز بېرىدۇ. ئۇ چاغدا پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلغانلارنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۇلىدۇ.» پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىدەك، سىئون تېغىدا ۋە يېرۇسالېم شەھىرىدە ھايات قالغان كىشىلەر بولىدۇ، ھايات قالغانلار دەل پەرۋەردىگار چاقىرغان كىشىلەردۇر. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ كۈنلەر كەلگەندە، مەن يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمنى قايتا گۈللەندۈرىمەن، ھەممە ئەللەرنى يىغىپ، يىھوشافات [مەنىسى ‹پەرۋەردىگار سوتلايدۇ›] جىلغىسىغا ئاپىرىمەن. ئۇ يەردە مەن ئۇلارنى سوتلايمەن. چۈنكى ئۇلار مېنىڭ خەلقىمنى، يەنى مېنىڭ مۈلكۈم بولغان ئىسرائىللارنى يات ئەللەرگە تارقىتىۋېتىپ، زېمىنىمنى بۆلۈشتى. ئۇلار خەلقىمنى تاللاپ قۇل قىلىشقا چەك تارتىشتى. ئوغۇللارنى پاھىشىلەرگە تېگىشتى، قىزلارنى شارابقا سېتىشتى. ئەي تىر، سىدون شەھەرلىرى ۋە فىلىستىيەنىڭ بارلىق رايونلىرى، ماڭا نېمىشقا بۇنداق مۇئامىلىدە بولىسىلەر؟ سىلەر مەندىن ئۆچ ئالماقچىمۇ؟ ئەگەر مەندىن ئۆچ ئېلىۋاتقان بولساڭلار، مەنمۇ سىلەردىن ئۆچ ئېلىپ، بېشىڭلارغا تېزلا بالا-قازا چۈشۈرەي. سىلەر مېنىڭ ئالتۇن-كۈمۈشلىرىمنى، قىممەتلىك خەزىنىلىرىمنى بۇلاپ كېتىپ، ئۇلارنى بۇتخانىلىرىڭلارغا قويدۇڭلار. يەھۇدىيەنىڭ، جۈملىدىن يېرۇسالېمنىڭ خەلقىنى ئۆز يۇرتلىرىدىن ئايرىپ، يۇنانلىقلارغا ساتتىڭلار. سىلەر ئۇلارنى نەگە ساتقان بولساڭلار، مەن ئۇلارنى شۇ يەرلەردىن قايتۇرۇپ كېلىمەن. سىلەر ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلغان بولساڭلار، مەنمۇ سىلەرگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىمەن. ئوغۇل-قىزلىرىڭلارنى يەھۇدىيەلىكلەرگە سېتىپ بېرىمەن. يەھۇدىيەلىكلەر ئۇلارنى يىراقتىكى سىبائى خەلقىگە ساتىدۇ. بۇلار مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. سىلەر باشقا ئەللەرگە مۇنداق دەپ جاكارلاڭلار: ‹ئۇرۇشقا ھازىرلىنىڭلار! لەشكەرلىرىڭلارنى، پۈتۈن باتۇرلىرىڭلارنى يىغىپ، ئۇرۇشقا ئاتلىنىڭلار. ساپىنىڭلاردىن قىلىچ، شاخ پۇتايدىغان قايچاڭلاردىن نەيزە سوقۇڭلار. ئاجىزلارمۇ مەن باتۇر دېسۇن. ئەي ئەتراپتىكى بارلىق ئەللەر، تېز بولۇڭلار، يىھوشافات جىلغىسىغا يىغىلىڭلار!›» ئى پەرۋەردىگار، لەشكەرلىرىڭنى ئەۋەتكەيسەن. «ئەتراپتىكى ھەممە ئەللەر ئورۇنلىرىدىن قوزغالسۇن، يىھوشافات جىلغىسىغا يىغىلسۇن. مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۇ يەردە سوتلايمەن. زىرائەتلەر پىشتى، ئورغاق سېلىڭلار. شاراب كۆلچىكى ئۈزۈمگە تولدى، كېلىپ ئېزىڭلار. خۇددى شاراب كۈپلىرىدىن شاراب تاشقاندەك، ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىمۇ تولۇپ تاشتى.» مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن كىشىلەر سوت بولىدىغان جىلغىدىدۇر. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ سوراق كۈنى يېقىنلاپ كەلمەكتە. ئۇ كۈنى ئاي، كۈن تۇتۇلىدۇ، يۇلتۇزلارمۇ چاقنىمايدۇ. پەرۋەردىگار سىئون تېغىدىن نەرە تارتىپ، يېرۇسالېمدىن گۈلدۈرمامىدەك گۈلدۈرلىگەندە، ئاسمان-زېمىن لەرزىگە كېلىدۇ. لېكىن پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ پاناھگاھى، ئىسرائىل خەلقىنىڭ قورغىنى بولىدۇ. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئىكەنلىكىمنى، مۇقەددەس تېغىم سىئوندا تۇرىدىغانلىقىمنى بىلىسىلەر. يېرۇسالېم مۇقەددەستۇر، يات ئەللەر ئۇ يەرگە يەنە تاجاۋۇز قىلالمايدۇ. ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، تاغلاردىن تاتلىق شەربەت تامىدۇ. ئېدىرلىقلاردا سۈت ئاقىدۇ، يەھۇدىيەدىكى بارلىق جىلغىلاردا سۇلار دولقۇنلايدۇ. پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى بىر بۇلاقتىن سۇ ئېقىپ كېلىپ، شىتتىم ۋادىسىنىڭ قۇرۇق يەرلىرىنى سۇغۇرىدۇ. لېكىن مىسىر قاقاسلىققا، ئىدوم چۆلگە ئايلىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار يەھۇدىيە خەلقىگە زوراۋانلىق قىلىپ، يەھۇدىيە زېمىنىدا گۇناھسىزلارنىڭ قېنىنى تۆكتى. لېكىن يەھۇدىيە مەڭگۈ ياشايدۇ، يېرۇسالېم ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىدۇ. مەن پەرۋەردىگار قان قەرزگە بوغۇلغان دۈشمەنلەرنى جازاسىز قويمايمەن. مەن سىئوندىدۇرمەن.» ئۇززىيا يەھۇدىيەگە، يىھوئاشنىڭ ئوغلى ياروبئام ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولغان مەزگىللەردە، يەنى قاتتىق يەر تەۋرەشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى، تىقوۋالىق چارۋىچى ئاموسقا ئىسرائىلىيە توغرۇلۇق ۋەھىي كېلىشكە باشلىدى. ئاموس مۇنداق دېدى: «ھۆركىرەر پەرۋەردىگار سىئون تېغىدىن، ياڭرار ئۇنىڭ ئاۋازى يېرۇسالېمدىن. قۇرۇپ كېتەر پادىچىلارنىڭ يايلاقلىرى، قۇرۇپ كېتەر كارمەل تېغىنىڭ چوققىسى.» پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «دەمەشق خەلقى گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلدى. مەن ئۇلارنى جازالىماي قويمايمەن! تۆمۈر چىشلىق تۇلۇق بىلەن خامان ئەزگەندەك، ئۇلار گىلئادتىكى خەلقىمنى يانجىپ ئەزدى. شۇڭا مەن پادىشاھ خازائېلنىڭ سارىيىغا ئوت ياغدۇرىمەن، بۇ ئوت پادىشاھ بەنھادادنىڭ قورغانلىرىنىمۇ يالماپ يۇتىدۇ. مەن دەمەشق شەھەر دەرۋازىلىرىنىڭ بالداقلىرىنى سۇندۇرۇپ تاشلايمەن. ئاۋېن جىلغىسىنىڭ ھۆكۈمرانىنى يوقىتىمەن، بەيت-ئەدەننىڭ سەلتەنەت ھاسىسىنى تۇتقان ھۆكۈمرانىنى يوق قىلىمەن. ئاررام پۇقرالىرى قىر زېمىنىغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.» پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «گازا خەلقى گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلدى. مەن ئۇلارنى جازالىماي قويمايمەن! ئۇلار يېزىلاردىكى پۈتۈن كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ، ئىدومغا قۇللۇققا ساتتى. شۇڭا مەن گازا شەھىرىنىڭ سېپىلىغا ئوت ياغدۇرىمەن. بۇ ئوت ئۇنىڭ قورغانلىرىنى يالماپ يۇتىدۇ. مەن ئاشدود شەھىرىنىڭ ھۆكۈمدارىنى يوقىتىپ، ئاشقىلون شەھىرىنىڭ سەلتەنەت ھاسىسىنى تۇتقان ھۆكۈمرانىنى يوق قىلىمەن. مەن ئەقرون شەھىرىگە قارشى قول كۆتۈرىمەن. ئامان قالغان فىلىستىيەلىكلەر قىرىپ تاشلىنىدۇ. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.» پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «تىر خەلقى گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلدى. مەن ئۇلارنى جازالىماي قويمايمەن! ئۇلار يېزىلاردىكى پۈتۈن كىشىلەرنى ئىدومغا قۇللۇققا سېتىپ، ئۆزلىرى تۈزگەن ئىتتىپاقداشلىق ئەھدىسىنى بۇزدى. شۇڭا مەن تىر شەھىرىنىڭ سېپىلىغا ئوت ياغدۇرىمەن. بۇ ئوت ئۇنىڭ قورغانلىرىنى يالماپ يۇتىدۇ.» پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىدوم خەلقى گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلدى. مەن ئۇلارنى جازالىماي قويمايمەن! ئۇلار ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان ئىسرائىللارغا قىلىچ كۆتۈرۈپ، ئۇلارغا قىلچە رەھىم-شەپقەت قىلمىدى. ئۇلارغا چەكسىز قەھر قىلدى، غەزىپى پەقەت پەسەيمىدى. شۇڭا مەن تېمان شەھىرىگە ئوت ياغدۇرىمەن. بۇ ئوت بوزرا شەھىرىنىڭمۇ قورغانلىرىنى يالماپ يۇتىدۇ.» پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئاممون خەلقى گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلدى. مەن ئۇلارنى جازالىماي قويمايمەن! ئۇلار ئۆز زېمىنىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، گىلئادتىكى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قارنىنى ياردى. شۇڭا مەن رابباھنىڭ شەھەر سېپىللىرىغا ئوت ياغدۇرىمەن. بۇ ئوت ئۇنىڭ قورغانلىرىنى يالماپ يۇتىدۇ. ئۇرۇش كۈنىدە چۇقان-سۈرەنلەر ئاڭلىنىدۇ، جەڭ شىددەتلىك بوراندەك ئەۋج ئالىدۇ. ئامموننىڭ پادىشاھى سۈرگۈن قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەمەلدارلىرىمۇ سۈرگۈن قىلىنىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.» پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «موئاب خەلقى گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلدى. مەن ئۇلارنى جازالىماي قويمايمەن! ئۇلار ئىدوم پادىشاھىنىڭ ئۇستىخانلىرىنى كۆيدۈرۈپ، ھاك ئورنىدا ئىشلەتتى. مەن موئابقا ئوت ياغدۇرىمەن. بۇ ئوت قىرىيوتنىڭمۇ قورغانلىرىنى يالماپ يۇتىدۇ. ئۇرۇش چۇقانلىرى ئاڭلانغاندا، لەشكەرلەر سۈرەن سېلىشقاندا، جەڭ بۇرغىلىرى ياڭرىغاندا، موئاب خەلقى ھالاك بولىدۇ. مەن موئابنىڭ ھۆكۈمدارىنى يوقىتىمەن. ئۇنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرىنى قىرىپ تاشلايمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.» پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «يەھۇدىيە خەلقى گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلدى. مەن ئۇلارنى جازالىماي قويمايمەن! ئۇلار مېنىڭ قانۇنۇمدىن يۈز ئۆرۈپ، ئەمرلىرىمگە بويسۇنمىدى. ئۇلار بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ھەق يولدىن ئازدى. ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىمۇ شۇنداق قىلغانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن يەھۇدىيەگە ئوت ياغدۇرىمەن. بۇ ئوت يېرۇسالېمنىڭ قورغانلىرىنى يالماپ يۇتىدۇ.» پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىسرائىلىيە خەلقى گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلدى. مەن ئۇلارنى جازالىماي قويمايمەن! ئۇلار دۇرۇس ئادەملەرنى ئەرزىمەس كۈمۈشكە، كەمبەغەللەرنى بىر جۈپ چورۇققا سېتىشتى. ئۇلار ئاجىزلارنى خۇددى كوچىدىكى توپىنى دەسسىگەندەك دەسسىدى. يوقسۇللارغا ئادالەتسىزلىك قىلدى. ئاتا بىلەن ئوغۇل ئوخشاش بىر ئايال بىلەن زىنا قىلىپ، مۇقەددەس نامىمنى بۇلغىدى. ئۇلار ئۆزلىرىگە گۆرۈگە قويۇلغان كىيىملەرنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا تېگىگە سېلىپ يېتىشتى. ئۇلار بۇتخانىلاردا ناھەق ئېلىنغان جېرىمانىلەر بىلەن سېتىۋېلىنغان شارابلارنى ئىچىشتى. ئەي خەلقىم، كۆز ئالدىڭلاردا ئامورلارنى ۋەيران قىلغان مەن ئەمەسمىدىم؟! ئۇلار خۇددى كېدىر دەرەخلىرىدەك ئېگىز، دۇپ دەرەخلىرىدەك مەزمۇت بولسىمۇ، ئۇلارنى ئۇچىدىن يىلتىزىغىچە پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋەتمىگەنمىدىم؟! ئامورلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، چۆل-باياۋانلاردا قىرىق يىل يېتەكلىگەن مەن ئەمەسمىدىم؟! مەن پەرزەنتلىرىڭلاردىن پەيغەمبەرلەرنى تەيىنلىدىم، ئاراڭلاردىن ماڭا ئۆزىنى ئالاھىدە بېغىشلىغان ياشلارنى تاللىدىم. ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، ئەجەبا دېگىنىم توغرا ئەمەسمۇ؟! بىراق، سىلەر ماڭا ئالاھىدە بېغىشلىغان بۇ كىشىلەرنى شاراب ئىچىشكە مەجبۇرلىدىڭلار. سىلەر پەيغەمبەرلەرنى ۋەھىي يەتكۈزۈشتىن توستۇڭلار. ئاشلىق بېسىلغان ھارۋا يەرنى چىڭدىغاندەك، ئەمدى مەن سىلەرنى چىڭداپ، مىجىقىڭلارنى چىقىرىۋېتىمەن. يەل تاپانلارمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ھەتتا كۈچلۈكلەرنىڭمۇ قارشى تۇرۇشقا ماغدۇرى يەتمەيدۇ. باتۇر لەشكەرلەرمۇ ئۆز جېنىنى ساقلاپ قالالمايدۇ. ئوقياچىلار پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. يەل تاپانلارمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ھەتتا چەۋەندازلارمۇ ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇشقا ئامالسىز قالىدۇ. ئۇ كۈنى ئەڭ باتۇر لەشكەرلەرمۇ قوراللارنى تاشلاپ قېچىشىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!» ئەي مىسىردىن ئېلىپ چىقىلغان پۈتكۈل ئىسرائىلىيە خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە قارشى ئېيتقان سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار: «يەر يۈزىدىكى ھەممە خەلقلەر ئارىسىدىن يالغۇز سىلەرنىلا تاللىدىم. لېكىن سىلەر گۇناھ قىلدىڭلار، شۇڭا مەن سىلەرنى جازالايمەن.» ئىككى ئادەم دېيىشىپ قويماي تۇرۇپ، بىرگە سەپەر قىلامدۇ؟ ئوۋ تۇتالمىغان شىر چاتقاللىقتا ھۆركىرەمدۇ؟ ئوزۇق بولمىسا ئۆڭكۈردىكى ياش شىرلار ئۆزئارا خىرىس قىلىشامدۇ؟ ئەگەر يەمچۈك بولمىسا، قۇش تۇزاققا چۈشەمدۇ؟ قىسماققا ھېچ نەرسە قىسىلمىسا، قىسماق ئۆزلۈكىدىن قىسىلىپ قالامدۇ؟ شەھەردىن بۇرغا ئاۋازى ئاڭلانسا، كىشىلەر ساراسىمىگە چۈشمەي قالامدۇ؟ پەرۋەردىگار ئىرادە قىلمىسا، شەھەر بالايىئاپەتكە ئۇچرامدۇ؟ دەرھەقىقەت، ئىگىمىز پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن مەقسەتلىرىنى خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلىرىگە ئايان قىلماي تۇرۇپ، ئىش قىلمايدۇ. ئەنە، شىر ھۆركىرەۋاتىدۇ! كىم قورقماي تۇرالايدۇ؟ ئەنە، ئىگىمىز پەرۋەردىگار سۆزلەۋاتىدۇ! كىم ئۇنىڭ ۋەھىيلىرىنى جاكارلاشنى رەت قىلالايدۇ؟ ئاشدود ۋە مىسىر ئوردىسىدىكىلەرگە: «سىلەر سامارىيەدىكى تاغلارغا يىغىلىپ، ئۇ يەردىكى قالايمىقانچىلىق ۋە زۇلۇملارنى كۆرۈپ بېقىڭلار» دەپ جاكارلانسۇن. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ خەلقىم ھەق ئىش قىلىشنى بىلمىدى. ئۇلار سارايلىرىنى زومىگەرلىك بىلەن ئېرىشكەن بايلىقلار بىلەن تولدۇردى.» شۇ سەۋەبتىن ئىگىمىز پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «دۈشمەن بۇ زېمىننى قورشاۋغا ئېلىپ، قەلئەلىرىڭلارنى ۋەيران قىلىدۇ، سارايلىرىڭلارنى تالان-تاراج قىلىدۇ. مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەنكى، پادىچى شىر ئاغزىدىن قوينى تارتىۋالماقچى بولغىنىدا، ئۇنىڭ قولىدا پەقەت قوينىڭ ئىككى تۇيىقى ياكى قۇلىقىنىڭ بىر پارچىسىلا قالغىنىغا ئوخشاش، دۈشمەن ھۇجۇمىدىن كېيىن سامارىيەدىكى ئىسرائىللارنىڭ قولىدا پەقەت ئورۇن-كۆرپىلىرىنىڭ پارچىلىرىلا قالىدۇ. مەن ئىگەڭلار، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار ھەم ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇڭلار! مەن ئىسرائىلىيە خەلقىنى گۇناھلىرى ئۈچۈن جازالىغان ۋاقتىمدا، بەيتەلدىكى قۇربانلىق سۇپىلىرىنىمۇ ۋەيران قىلىمەن. قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۇرجىكىدىكى بۆرتۈپ چىققان مۈڭگۈز شەكىللىرى چېپىپ تاشلىنىدۇ. مەن بايلارنىڭ قىشلىق ۋە يازلىق سارايلىرىنى ۋە پىل چىشى بىلەن بېزەلگەن ئۆيلىرىنى ۋەيران قىلىمەن. ھەشەمەتلىك سارايلار ئۆرۈۋېتىلىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!» ئەي باشاندىكى بوردالغان ئىنەكلەردەك سامارىيە ئاياللىرى، قۇلاق سېلىڭلار. تۆپىلىككە جايلاشقان سامارىيەدىكى ئاياللار، قۇلاق سېلىڭلار. سىلەر نامراتلارغا زۇلۇم قىلىپ، موھتاجلارنى ئېزىسىلەر. سىلەر ھەمىشە ئەرلىرىڭلارغا: «بىزگە يەنە شاراب ئەكېلىپ بېرىڭلار!» دەيسىلەر. ئىگىمىز پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ مۇقەددەس نامى بىلەن قەسەم قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، خۇددى بېلىقلار قارماققا ئىلىنغىنىدەك، سىلەرمۇ قارماققا ئىلىنىسىلەر، ھەممىڭلار شۇنداق ئەكېتىلىسىلەر. سىلەر سېپىل يوچۇقلىرىدىن تارتىپ چىقىرىلىپ، ھارمونغا ھەيدەپ ئاپىرىلىسىلەر. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر! سىلەر بەيتەلگە بېرىپ، گۇناھ قىلىۋېرىڭلار. گىلگالغا بېرىپ، قانغۇچە گۇناھ قىلىۋېرىڭلار! ھەر كۈنى ئەتىگەندە قۇربانلىقلىرىڭلارنى ئاپىرىپ، ھەر ئۈچىنچى كۈنى كىرىمىڭلارنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئاتاۋېرىڭلار. خېمىرتۇرۇچ سېلىنغان نانلىرىڭلارنى مىننەتدارلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە كۆرۈپ، ئۆزۈڭلارنىڭ خالىس ھەدىيەڭلاردىن ماختىنىپ يۈرۈۋېرىڭلار. بۇ سىلەر ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ ياخشى كۆرۈپ قىلىدىغان ئىشلىرىغۇ! بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر! مەن بارلىق شەھىرىڭلاردا ئاچارچىلىق پەيدا قىلدىم، ھەممە يېزاڭلارنى نانغا زار قىلدىم. شۇنداقتىمۇ، سىلەر يەنىلا يولۇمغا قايتمىدىڭلار. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر! مەن ھوسۇل پەسلىدىن ئۈچ ئاي بۇرۇن يامغۇرنىمۇ توختىتىۋەتتىم. بىر شەھەرگە يامغۇر ياغدۇرسام، يەنە بىر شەھەرگە ياغدۇرمىدىم. بىر ئېتىزغا يامغۇر ياغدۇرۇلسا، يەنە بىر ئېتىز يامغۇرسىز قاغجىراپ قالدى. ھالسىزلانغان پۇقرالار يېزىمۇ يېزا سۇ ئىزدەپ، دەلدەڭشىپ قالدى. لېكىن ئۇلار قانغۇدەك سۇ ئىچەلمىدى شۇنداقتىمۇ، سىلەر يەنىلا يولۇمغا قايتمىدىڭلار. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر! مەن زىرائەتلىرىڭلارنى ئىسسىق شامالدا قۇرۇتتۇم، نەملىك بىلەن چىرىتتىم. چېكەتكىلەر باغلىرىڭلار، ئۈزۈمزارلىقىڭلار، ئەنجۈر ۋە زەيتۇن دەرەخلىرىڭلارنى يەپ تۈگەتتى. شۇنداقتىمۇ، سىلەر يەنىلا يولۇمغا قايتمىدىڭلار. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر! مەن ئىلگىرى مىسىرلىقلارنى گىرىپتار قىلغان كېسەللەرگە سىلەرنىمۇ گىرىپتار قىلدىم. باھادىر يىگىتلىرىڭلارنى قىلىچتا ئۆلتۈردۈم. ئاتلىرىڭلار تارتىۋېلىندى. بارگاھلىرىڭلارنى ئۆلۈكلەرنىڭ سېسىق پۇرىقى بىلەن تولدۇردۇم. شۇنداقتىمۇ، سىلەر يەنىلا يولۇمغا قايتمىدىڭلار. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر! مەن خۇددى سودوم بىلەن گومورانى ۋەيران قىلغاندەك، سىلەرنىمۇ ۋەيران قىلدىم. سىلەر خۇددى ئوتتىن تارتىۋېتىلگەن چۇچىلىغا ئوخشاپ قالدىڭلار. لېكىن سىلەر يەنىلا يولۇمغا قايتمىدىڭلار. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر! ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، مەن سىلەرنى جازالايمەن. ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، ماڭا ھېساب بېرىشكە تەييارلىنىڭلار!» تاغ ۋە شامالنى ياراتقۇچى پەرۋەردىگار خۇدادۇر، ئۇ ئوي-خىياللىرىنى ئىنسانلارغا ئايان قىلغاندۇر. ئۇ قاراڭغۇلۇقنى تاڭ نۇرىغا ئايلاندۇرار، ھەتتا ئۇ زېمىننىڭ يۈكسەكلىكلىرىدە ماڭار. ئۇنىڭ ئىسمى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار خۇدادۇر. ئەي ئىسرائىلىيەلىكلەر، سىلەر ھەققىدە ئېيتىلغان بۇ ماتەم كۈيۈمگە قۇلاق سېلىڭلار: «پاك قىز ئىدى ئىسرائىلىيە، يىقىلدى، ئۇ ئورنىدىن تۇرالماس ئەمدى. ئۇ تاشلىنىپ قالار ئۆز زېمىنىدا، يۆلەپ تۇرغۇزغۇچى يوقتۇر يېنىدا.» ئىگىمىز پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيە خەلقىگە مۇنداق دەيدۇ: «بىر شەھەردىن جەڭگە چىققان مىڭ جەڭچىدىن، پەقەت يۈزى ئامان قايتىپ كېلەر. يەنە بىر شەھەردىن جەڭگە چىققان يۈز جەڭچىدىن، پەقەت ئونى ئامان قايتىپ كېلەر.» پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيە خەلقىگە مۇنداق دەيدۇ: «ھايات قالىسىلەر مېنى ئىزدىسەڭلار! لېكىن بەيتەلگە بارماڭلار! گىلگالغىمۇ بېرىپ يۈرمەڭلار! بەئەرشەباغىمۇ چۈشمەڭلار! چۈنكى گىلگال خەلقى چوقۇم سۈرگۈن قىلىنىدۇ، بەيتەل يوقىلىدۇ.» پەرۋەردىگارنى ئىزدەڭلار، ھايات قالىسىلەر. بولمىسا، ئەي يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى، پەرۋەردىگار سىلەرگە ئوتتەك يوپۇرۇلىدۇ. بۇ ئۆچمەس ئوت بەيتەلنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ. سىلەر ئادالەتنى قىرتاق قىلدىڭلار، ھەققانىيلىقنى چۆرۈپ تاشلىدىڭلار. پەرۋەردىگار ئۈكەر ۋە ئورىيون يۇلتۇزلىرىنى ياراتقۇچىدۇر. ئۇ ئايلاندۇرغۇچىدۇر قاراڭغۇلۇقنى تاڭغا، كۈندۈزنى ھەم كېچىگە. ئۇ دېڭىزدىن سۇ ئېلىپ سەپكۈچىدۇر زېمىنغا، «ياھۋەھ»دۇر ئۇنىڭ نامى. ئۇ كۈچلۈكلەرنى ھالاك قىلار، قورغانلىرىنى ۋەيران قىلار. سىلەر شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى ئادالەتنى ياقىلىغۇچى ئاقساقاللارغا ئۆچ، سىلەر ھەق سۆزلىگەنلەردىن بىزار. سىلەر يوقسۇللارغا زۇلۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ زىرائەتلىرىنى ئالۋان-سېلىق بىلەن قاقتى-سوقتى قىلىسىلەر. شۇڭا سىلەر تاراشلانغان تاشلاردىن سېلىنغان چىرايلىق ئۆيلىرىڭلاردا ئولتۇرالمايسىلەر، ھەم ئۆزۈڭلار ياخشى ئۆستۈرگەن ئۈزۈمزارلىقىڭلاردىن چىققان شارابلارنى ئىچەلمەيسىلەر. قىلمىشىڭلارنىڭ كۆپلۈكىنى، گۇناھىڭلارنىڭ چەكسىزلىكىنى بىلىمەن. سىلەر بىگۇناھلارغا زۇلۇم قىلىپ، پارا ئالىسىلەر، شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا نامراتلارغا ئادالەتسىزلىك قىلىسىلەر. شۇڭا مۇشۇنداق رەزىل زامانلاردا، ئەقىللىق ئادەملەر سۈكۈتتە تۇرىدۇ. سىلەر رەزىللىك ھەققىدە ئەمەس، بەلكى ياخشىلىق ھەققىدە ئىزدىنىڭلار، شۇندىلا ھايات قالىسىلەر، ھەمدە قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار خۇدا ئۆزۈڭلار ئېيتقاندەك سىلەرگە يار بولىدۇ. يامانلىقتىن يىرگىنىپ، ياخشىلىقنى سۆيۈڭلار. شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا ئادالەتنى تەشەببۇس قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئەي يۈسۈپ ئەۋلادلىرىدىن ئامان قالغانلار، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار خۇدا بەلكىم سىلەرگە شاپائەت كۆرسىتەر. ئىگىمىز، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «ھەربىر شەھەر مەيدانلىرىدىن نالە-پەرياد، ھەربىر كوچىدىن يىغا-زار كۆتۈرۈلىدۇ. دېھقانلار ھازا تۇتۇشقا، مەرسىيەچىلەر يىغلاشقا چاقىرتىلىدۇ. پۈتكۈل ئۈزۈمزارلىقلار يىغا-زارغا تولىدۇ، چۈنكى مەن زېمىنىڭلاردىن ئۆتىمەن، سىلەرنى جازالايمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!» پەرۋەردىگارنىڭ كۈنىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەنلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ كۈنىنىڭ كېلىشىنى كۈتىسىلەر؟ بۇ كۈن يورۇقلۇق ئەمەس، بەلكى زۇلمەت ئېلىپ كېلىدۇ! ئاشۇ كۈنى سىلەر خۇددى شىردىن قۇتۇلۇپ، ئېيىققا يولۇققان ئادەمگە، ياكى ئۆيگە ساق قايتىپ كېلىپ، تامغا يۆلىنىشىگىلا قولىنى يىلان چېقىۋالغان ئادەمگە ئوخشاپ قالىسىلەر. پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى يورۇقلۇق ئەمەس، بەلكى زۇلمەت ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇ كۈنىدە قاراڭغۇلۇق بولىدۇ، يورۇقلۇق بولمايدۇ. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھېيت-بايراملىرىڭلاردىن سەسكىنىمەن، ئۇلاردىن نەپرەتلىنىمەن. ئىبادەت سورۇنلىرىڭلاردىن بىزارمەن. گەرچە سىلەر ماڭا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى تەقدىم قىلساڭلارمۇ، مەن ئۇلارنى قوبۇل قىلمايمەن. سىلەرنىڭ بوردىغان سېمىز موزىيىڭلاردىن سۇنىدىغان ئامانلىق قۇربانلىقىڭلارغا پەرۋايىم پەلەك. ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىپ ئېيتقان مۇناجاتلىرىڭلارنى مەندىن يىراق قىلىڭلار. چىلتارلىرىڭلارنىمۇ ئاڭلىغۇم يوق. بۇنىڭ ئورنىغا ئادالىتىڭلار ئېقىن سۇدەك، ھەققانىيلىقىڭلار قۇرماس دەريادەك ئاقسۇن. ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، سىلەر چۆل-باياۋاندا ياشىغان قىرىق يىل جەريانىدا، راست ماڭىلا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى سۇندۇڭلارمۇ؟ ھازىر سىلەر ئۆزۈڭلار ياسىۋالغان ئىلاھىي شاھىڭلار سىكۇت ۋە يۇلتۇز ئىلاھىڭلار كىيۇننى كۆتۈرۈپ يۈرىسىلەر. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرنى دەمەشقتىنمۇ تېخىمۇ يىراق بولغان جايلارغا سۈرگۈن قىلىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگار، يەنى قۇدرەتلىك سەردار خۇدانىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.» يېرۇسالېمدا راھەت-پاراغەتتە ياشاۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! تۆپىلىككە جايلاشقان سامارىيە شەھىرىدە خاتىرجەملىكتە ياشاۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئەڭ مۇھىم ئەلنىڭ كاتتا ئادەملىرى دەپ بىلىسىلەر، ئىسرائىلىيە خەلقى سىلەردىن ياردەم سوراپ، ئالدىڭلارغا كېلىدۇ. سىلەر خەلققە پو ئېيتىپ مۇنداق دەيسىلەر: «كالنېھقا بېرىپ كۆرۈڭلار! ئۇ يەردىن بۈيۈك بولغان خاماتقا بېرىڭلار! ئاندىن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ گات شەھىرىگە بېرىڭلار! بۇ ئىككى پادىشاھلىق بىزدىنمۇ كاتتىمىكەن؟ ئۇلارنىڭ زېمىنى بىزنىڭ زېمىنىمىزدىنمۇ چوڭمىكەن؟» سىلەر كۈلپەت كۈنىنىڭ كېلىشىنى خېلى يىراق دەپ ئويلايسىلەر، لېكىن قىلمىشىڭلار جازا كۈنىنىڭ كېلىشىنى يېقىنلاشتۇرىدۇ. ھالىڭلارغا ۋاي! سىلەر پىل چىشى بىلەن نەقىشلەنگەن كاتلاردا سوزۇلۇپ، دىۋانلاردا يانپاشلاپ ياتىسىلەر. قويلارنى ۋە سېمىز موزايلارنى يەيسىلەر. سىلەر ئۆزۈڭلارنى داۋۇت پادىشاھقا ئوخشىتىپ، چىلتارلارغا تەڭكەش قىلىپ ناخشا ئېيتىسىلەر. چوڭ قەدەھلەردە شاراب ئىچىپ، ئەڭ ئېسىل مايلارنى ئۆزۈڭلارغا سۈرتىسىلەر. ئەمما سىلەر ئۆز خەلقىڭلارنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتقانلىقىدىن ئەنسىرىمەيسىلەر. شۇڭا سىلەر ھەممىدىن ئاۋۋال سۈرگۈن قىلىنىسىلەر، سىلەرنىڭ كەيپ-ساپا قىلىپ ياتىدىغان ۋاقتىڭلار ئاياغلىشىدۇ. ئىگىمىز پەرۋەردىگار، يەنى قۇدرەتلىك سەردار خۇدا قەسەم قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ ھاكاۋۇرلۇقىدىن نەپرەتلىنىمەن. ئۇلارنىڭ قورغانلىرىنى ئۆچ كۆرىمەن. شەھەرلەرنى ۋە ئۇلاردىكى بارلىق نەرسىلەرنى دۈشمەنلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن.» ئەگەر بىر ئۆيدە پەقەت ئون ئادەم ھايات قالغان بولسا، ئۇلارمۇ ئۆلىدۇ. ئۇلارنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىدىن بىرى جەسەتنى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن كەلگەندە، ئۆيگە يوشۇرۇنۇۋالغان ئادەمدىن: «ئۆيدە باشقا ئادەم بارمۇ؟» دەپ سورايدۇ. ئۆي ئىچىدىكى ئادەم «يوق» دەپ جاۋاب بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىشقا باشلىغاندا، كەلگۈچى: «ئارتۇق گەپ قىلما، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى تىلغا ئالمايلى، بولمىسا بىزمۇ ئۆلىمىز!» دەيدۇ. پەرۋەردىگار ئەمر قىلماقتا، چوڭ ئۆيلەر بۇزۇپ تاشلىنىدۇ، كىچىك ئۆيلەر ۋەيران قىلىنىپ، ئۇششاق داڭگالغا ئايلىنىدۇ. ئات قىيا تاشلار ئۈستىدە چاپالامدۇ؟ ئۆكۈز دېڭىزنى يەردەك ئاغدۇرالامدۇ؟ لېكىن سىلەر شۇنداق قىلىپ، ئادالەتنى زەھەرگە ئايلاندۇردۇڭلار، ھەققانىيەتنىڭ شېرىن مېۋىلىرىنى قىرتاق قىلدىڭلار. سىلەر لودىبار شەھىرىنى ئىشغال قىلغىنىڭىلاردىن پەخىرلىنىسىلەر. سىلەر ماختىنىپ: «قارنايىم شەھىرىنىمۇ ئىگىلەشكە قۇربىمىز يەتتى!» دەيسىلەر. لېكىن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «قاراپ تۇرۇڭلار، ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، مەن سىلەرگە قارشى بىر ئەلنى قوزغىتىمەن. ئۇلار شىمالدىكى لىبو-خاماتتىن جەنۇبتىكى ئاراباھ جىلغىسىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى زېمىنىڭلارنى بېسىۋېلىپ، سىلەرنى ئاياغ ئاستى قىلىدۇ.» ئىگەم پەرۋەردىگار ماڭا بىر غايىبانە ئالامەتنى كۆرسەتتى. خۇدا بىر توپ چېكەتكىلەرنى زېمىندا پەيدا قىلىپتۇ. بۇ ۋاقىت دېھقانلارنىڭ پادىشاھقا ئالۋان-سېلىق تاپشۇرۇپ بولۇپ، ئىككىنچى قېتىم تېرىغان زىرائەتلىرىنىڭ يېڭىدىن ئۈنۈشكە باشلىغان ۋاقتى ئىكەن. چېكەتكىلەر زېمىندىكى ئۆسۈملۈكلەرنى يەپ بولغاندىن كېيىن، مەن پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدىم: _ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى كەچۈرگەيسەن، ئۇلار بەك ئاجىزدۇر، قانداقمۇ بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟! شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار قارارىنى ئۆزگەرتىپ: «بۇ ئاپەت يۈز بەرمەيدۇ» دېدى. ئاندىن ئىگەم پەرۋەردىگار ماڭا باشقا بىر غايىبانە ئالامەتنى كۆرسەتتى. ئۇ ئۆز خەلقىنى كۆيدۈرۈپ جازالاش ئۈچۈن ئوتقا ئەمر قىلىپتۇ. ئوت يەر ئاستىدىكى بۈيۈك سۇلارنى قۇرۇتۇپ، زېمىننى كۆيدۈرۈشكە باشلاپتۇ. مەن: _ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، ئۆتۈنەي، توختىغايسەن. ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى بەك ئاجىزدۇر، قانداقمۇ بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟! _ دېدىم. شۇنىڭ بىلەن ئىگەم پەرۋەردىگار قارارىنى ئۆزگەرتىپ: «بۇ ئاپەتمۇ يۈز بەرمەيدۇ» دېدى. ئاندىن كېيىن ئىگەم پەرۋەردىگار ماڭا يەنە بىر غايىبانە ئالامەت كۆرسەتتى. ئىگەم تامنىڭ يېنىدا تامنىڭ ئەگرى، تۈزلۈكىنى تەكشۈرىدىغان تانىنى تۇتۇپ تۇرغانىكەن. ئۇ مەندىن: _ ئاموس، سەن نېمىنى كۆردۈڭ؟ _ دەپ سورىدى. مەن: _ تامنىڭ ئەگرى، تۈزلۈكىنى تەكشۈرىدىغان تانىنى كۆردۈم، _ دەپ جاۋاب بەردىم. ئۇ: _ مەن ئەمدى ئىسرائىل خەلقىمنىڭ تۇتقان يولىنىڭ ئەگرى، تۈزلۈكىنى مۇشۇ تانا بىلەن تەكشۈرىمەن. مەن ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆرمەسكە سېلىپ تۇرالمايمەن. ئىسھاقنىڭ ئەۋلادلىرى چوقۇنىدىغان غەيرىي سەجدىگاھلار ۋەيران قىلىنىدۇ، ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ چوقۇنىدىغان جايلىرى خاراب بولىدۇ. مەن قىلىچ بىلەن ياروبئامنىڭ خانىدانلىقىنى يوقىتىمەن، _ دېدى. بەيتەل شەھىرىنىڭ روھانىيسى ئامازيا ئىسرائىلىيە پادىشاھى ياروبئامغا ئادەم ئەۋەتىپ، مۇنداق ئۇچۇر بەردى: «ئاموس ئىسرائىلىيە خەلقى ئارىسىدا ساڭا قارشى قۇتراتقۇلۇق قىلىۋاتىدۇ. بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنى ئاڭلاشقا تاقىتى قالمىدى. ئۇ: ‹ياروبئام قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلىدۇ ۋە ئىسرائىلىيە خەلقى ئۆز زېمىنىدىن سۈرگۈن قىلىنىدۇ› دەيدۇ.» ئاندىن ئامازيا ئاموسقا مۇنداق دېدى: _ ئى غايىبنى بىلگۈچى، بۇ يەردىن كەت، يەھۇدىيە زېمىنىغا كەت. شۇ يەردە ۋەھىي يەتكۈزۈپ، جېنىڭنى باق! لېكىن بەيتەلدە ھەرگىز ۋەھىي يەتكۈزگۈچى بولما. چۈنكى بۇ يەردە خانلىق سەجدىگاھ ۋە خەلقنىڭ چوڭ بۇتخانىسى بار. ئاموس ئامازياغا مۇنداق جاۋاب بەردى: _ مەن پەيغەمبەرمۇ ھەم پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادىمۇ ئەمەس ئىدىم، پەقەت چارۋىچى ئىدىم. ئەنجۈر دەرەخلىرىنىمۇ پەرۋىش قىلاتتىم. پەرۋەردىگار مېنى پادىلىرىمدىن ئايرىپ، ماڭا: «بېرىپ ئىسرائىلىيەدىكى خەلقىمگە ۋەھىي يەتكۈزگىن» دېدى. سەن ماڭا: «ئىسرائىلىيەگە قارشى ۋەھىي يەتكۈزۈشنى ۋە ئىسھاق ئەۋلادلىرىغا قارشى سۆزلەشنى توختات» دېدىڭ. ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ بۇ سۆزلىرىگە قۇلاق سال! ئەي ئامازيا، پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «ئايالىڭ شەھەردە پاھىشە بولىدۇ، ئوغۇل-قىزلىرىڭ قىلىچ ئاستىدا ھالاك بولىدۇ. زېمىنىڭ باشقىلارغا بۆلۈپ بېرىلىدۇ، ئۆزۈڭ ياقا يۇرتتا ئۆلىسەن. ئىسرائىلىيە خەلقى ئۆز زېمىنىدىن سۈرگۈن قىلىنىدۇ.» ئىگىمىز پەرۋەردىگار ماڭا بىر غايىبانە ئالامەتنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭدا مەن بىر سېۋەت پىشقان مېۋىنى كۆردۈم. ئۇ: _ ئاموس، نېمىنى كۆردۈڭ؟ — دەپ سورىدى. مەن: _ بىر سېۋەت پىشقان مېۋە، _ دەپ جاۋاب بەردىم. ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا: _ ئىسرائىل خەلقىمنىڭ ۋاقىت-سائىتى توشتى. ئەمدى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆرمەسكە سېلىپ تۇرالمايمەن. ئۇ كۈن كەلگەندە، ئوردىدىكى ئاياللارنىڭ ناخشا ئاۋازلىرى يىغا-زارغا ئايلىنىدۇ. ھەممە يەرنى جەسەت قاپلاپ، شەھەردە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ. بۇلارنى مەنكى ئىگەڭلار پەرۋەردىگار ئېيتقانمەن! _ دېدى. يوقسۇللارغا زۇلۇم سېلىپ، نامراتلارنى ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنلانغانلار قۇلاق سېلىڭلار. سىلەر ئۆز-ئۆزۈڭلارغا: «يېڭى ئاي بايرىمى ئۆتۈپ كەتسىلا، ئاشلىقلىرىمىزنى ساتالايتتۇق. دەم ئېلىش كۈنى ئۆتۈپ كەتسىلا، بۇغداي ئامبارلىرىمىزنى ئاچالايتتۇق. كەمچىنىمىزنى كىچىكلىتىپ، باھاسىنى ئۆستۈرۈپ، ساختا تارازا بىلەن ئالدامچىلىق قىلالايتتۇق. كەمبەغەللەرنى ئەرزىمەس كۈمۈشكە، موھتاجلارنى بىر جۈپ چورۇققا سېتىۋالالايتتۇق. ئاشلىقلارنى توپانغا ئارىلاشتۇرۇپ ساتالايتتۇق» دەيسىلەر. پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار پەخىرلىنىدىغان پەرۋەردىگار مۇنداق قەسەم ئىچتى: «مەن ئۇلار قىلغان ھەرقانداق قىلمىشلارنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن. شۇ سەۋەبتىن زېمىن تەۋرەيدۇ، زېمىندىكى بارلىق ئىنسانلار ھازا تۇتىدۇ. پۈتۈن زېمىن مىسىردىكى نىل دەرياسىدەك لەرزىگە كېلىپ، بىر ئۆرلەپ، بىر پەسلەيدۇ.» ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «شۇ كۈنى مەن چۈشتە قۇياشنى پاتۇرۇپ، زېمىنىغا قاراڭغۇلۇق چۈشۈرىمەن. بايراملىرىڭلارنى ماتەمگە، خۇشال ناخشاڭلارنى يىغا-زارغا ئايلاندۇرىمەن. ھەممىڭلار ماتەملىك كىيىملەرنى كىيىپ، چېچىڭلارنى چۈشۈرىسىلەر. سىلەرنى يالغۇز ئوغلىدىن ئايرىلىپ قالغان ئادەمدەك ئازابقا قويىمەن. پۈتۈن كۈن شەك-شۈبھىسىزكى، قايغۇلۇق بىر كۈن بولىدۇ.» ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى، مەن زېمىننى ئېچىرقىتىمەن، بۇ نان ۋە سۇغا بولغان ئېچىرقاش بولماستىن، بەلكى مېنىڭ سۆزلىرىمگە بولغان ئېچىرقاش بولىدۇ. ئادەملەر مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاش ئۈچۈن دېڭىزدىن دېڭىزغا، شىمالدىن شەرققە سەپەر قىلىدۇ، لېكىن ئۇلار سۆزۈمنى ھېچ يەردىن تاپالمايدۇ. ئۇ كۈندە ياش قىزلار ۋە قىران يىگىتلەر چاڭقاشتىن ھالسىزلىنىدۇ. ‹ئەي دان شەھىرىنىڭ ئىلاھى، ئەي بەئەرشەبا شەھىرىنىڭ ئىلاھى› دەپ، سامارىيەنىڭ يىرگىنچلىك بۇتلىرىنىڭ نامىدىن قەسەم ئىچكەنلەر يىقىلىدۇ، قايتا ئورنىدىن تۇرالمايدۇ.» ئاندىن مەن بىر غايىبانە ئالامەت كۆردۈم. ئۇنىڭدا ئىگەم پەرۋەردىگار قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا تۇراتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىبادەتخانا تۈۋرۈكلىرىنىڭ بېشىغا ئۇرۇڭلار، ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلى تەۋرىسۇن. ئۆگزىسىنى بۇزۇڭلار، ئاستىدا تۇرغان كىشىلەرنى باسسۇن. مەن ھايات قالغانلارنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرىمەن. ھېچكىم قاچالمايدۇ، ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ! ئۇلار گۆر كولاپ كىرىۋالسىمۇ، كىرىۋالغان جايلىرىدىن تارتىپ چىقىرىمەن. ئۇلار ئاسمانغا چىقىۋالسىمۇ، ئاسماندىن تارتىپ چۈشۈرىمەن. ئۇلار كارمەل تېغىنىڭ چوققىسىغا چىقىۋالسىمۇ، تۇتۇپ كېلىمەن. ئەگەر ئۇلار مېنى كۆرمىسۇن دەپ دېڭىزنىڭ تېگىگە شۇڭغۇۋالسا، دېڭىز يىلىنىنى ئۇلارنى چېقىشقا ئەۋەتىمەن. ئۇلارنى دۈشمەنلىرى سۈرگۈن قىلسا، شۇ يەردە ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشكە قىلىچنى بۇيرۇيمەن. مەن ئۇلارغا بەخت ئەمەس، بەلكى بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىشنى نىيەت قىلدىم.» ئىگىمىز قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار زېمىنغا تېگىپ كەتسە، زېمىننى ئېرىتىپ، زېمىندا ياشاۋاتقانلارنى قايغۇغا سالىدۇ. پۈتۈن زېمىن مىسىردىكى نىل دەرياسىدەك بىر ئۆرلەپ، بىر پەسلەيدۇ. ئۇ ئەرشتە ئۆي سېلىپ، ئۇلىنى زېمىنغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ئۇ دېڭىز سۈيىنى زېمىنغا يامغۇر قىلىپ ياغدۇرىدۇ! «ياھۋەھ» ئۇنىڭ نامىدۇر. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، سىلەرچە كۇش خەلقى مېنىڭ نەزىرىمدە ئىسرائىللاردەك قىممەتلىك ئەمەسمۇ؟ مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققىنىمدەك، فىلىستىيەلىكلەرنى كرىت ئارىلىدىن، ئارراملىقلارنى قىر زېمىنلىرىدىن ئېلىپ چىقمىدىممۇ؟ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ گۇناھقا تولغان پادىشاھلىقىڭلارغا كۆز تىككەنمەن. مەن ئۇنى يەر يۈزىدىن يوقىتىمەن. لېكىن مەن ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلمايمەن. مەن ئەمر-پەرمان چۈشۈرۈپ، ئىسرائىلىيە خەلقىنى يات ئەللەرنىڭ ئارىسىدا دان تاسقىغاندەك تاسقايمەن. لېكىن غەلۋىرىمدىن بىر تال تاشمۇ يەرگە چۈشمەيدۇ. خەلقىم ئارىسىدىكى بارلىق گۇناھكارلار قىلىچ ئاستىدا ھالاك بولىدۇ. بۇلار دەل: ‹بىزگە ھېچ ئىش بولمايدۇ، بېشىمىزغا بالا-قازا كەلمەيدۇ› دېگەن ئادەملەردۇر.» «ۋاقتى كەلگەندە، داۋۇتنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەن كەپىسىنى قايتىدىن قۇرىمەن. بۇزۇلغان تاملىرىنى ئوڭشاپ، خارابىلىكلىرىنى قايتا بىنا قىلىمەن. مەن ئۇنى ئەسلىدىكىدەك قايتا قۇرۇپ چىقىمەن. ئىسرائىلىيە خەلقى ئىدومدىن ئامان قالغانلارغا ۋە مېنىڭ نامىم ئاستىدىكى بارلىق ئەللەرگە ئىگە بولىدۇ.» بۇ سۆزلەرنى ئېيتقۇچى ۋە ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى پەرۋەردىگاردۇر. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداق ياخشى كۈنلەر كېلىدۇكى، دېھقانلار مول ھوسۇلىنى يىغىپ بولغۇچە، يەنە بىر يەر ئاغدۇرۇش ۋاقتى كېلىدۇ. ئۈزۈملىرىنى يانجىپ بولغۇچە، يەنە بىر ئۈزۈم پىششىقى كېلىدۇ. تاغلاردىن شەربەت تېمىپ، دۆڭلەردىن ئېقىپ چۈشىدۇ. مەن سۈرگۈن قىلىنغان خەلقىم ئىسرائىللارنى قايتۇرۇپ كېلىمەن. ئۇلار ۋەيران بولغان شەھەرلەرنى قايتا قۇرۇپ، ئۇ يەرلەردە ياشايدۇ. ئۇلار ئۈزۈمزارلىقلارنى بەرپا قىلىپ، ئۈزۈم شارابلىرىنى ئىچىدۇ. باغلارنى بەرپا قىلىپ، مېۋىلىرىنى يەيدۇ. مەن ئۇلارنى ئۇ زېمىندا يىلتىز تارتقۇزىمەن. ئۇلار مەن ئاتا قىلغان بۇ زېمىندىن ئەمدى يۇلۇپ تاشلانمايدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.» بۇ ئوبادىياغا كەلگەن ۋەھىيدۇر. بۇ، ئىگىمىز پەرۋەردىگارنىڭ ئىدوم خەلقى توغرىسىدا ئېيتقانلىرىدۇر. پەرۋەردىگار ئەللەرگە ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇلار ئارقىلىق: «ئىدومغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىنىڭلار!» دېگەن. بىز بۇ خەۋەرنى ئاڭلىدۇق. پەرۋەردىگار ئىدوم خەلقى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئاڭلاڭلار! مەن ئەمدى سىلەرنى خەلقلەرنىڭ ئارىسىدىكى ئاجىز خەلق قىلىپ قويىمەن. سىلەر پۈتۈنلەي نەزەردىن چۈشۈپ كېتىسىلەر. تەكەببۇرلۇقۇڭلار سىلەرنى ئالدايدۇ. سىلەرنىڭ پايتەختىڭلار قىيادىكى قورغاندۇر، ئۆيۈڭلار بولسا ئېگىز تاغدىدۇر. شۇڭا سىلەر كۆڭلۈڭلەردە: ‹كىم بىزنى بۇ يەردىن تارتىپ چۈشۈرەلەيدۇ؟› دەيسىلەر. لېكىن سىلەر بۈركۈتتىن ئېگىز ئۇچۇپ، يۇلتۇزلار ئارىسىغا ئۇۋا سالساڭلارمۇ، مەن يەنىلا سىلەرنى تارتىپ چۈشۈرەلەيمەن. كېچىسى ئۆيگە ئوغرى كىرسە، ئۆيدىكى ھەممە نەرسىنى ئېلىپ كەتمەيدىغۇ، كىشىلەر ئۈزۈملەرنى يىغقاندا، ئازراق قالدۇرۇپ قويىدىغۇ، لېكىن سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلار سىلەرنى پۈتۈنلەي يوقىتىۋېتىدۇ. ئەي، ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرى، سىلەر پۈتۈنلەي تالان-تاراج قىلىنىسىلەر! يوشۇرۇپ قويغان بايلىقىڭلار تېپىۋېلىنىدۇ ۋە ئېلىپ كېتىلىدۇ. سىلەرنىڭ بارلىق ئىتتىپاقدىشىڭلار سىلەرنى ئۆز زېمىنىڭلاردىن قوغلىۋېتىدۇ، سىلەر بىلەن تىنچ ئۆتكەن كىشىلەر سىلەرنى ئالداپ مەغلۇپ قىلىدۇ، سىلەر بىلەن بىللە غىزالانغان كىشىلەر سىلەرگە تۇزاق قۇرىدۇ، سىلەر غەپلەت ئىچىدە قېلىپ ھېچنېمىنى بىلمەيسىلەر.» بۇ ۋاقىتتا، پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئىدومنىڭ دانىشمەنلىرىنى ھەمدە ئەساۋنىڭ تاغلىرىدىن كەلگەن مەسلىھەتچىلەرنى يوقىتىمەن! ئەي تېمان شەھىرى، سېنىڭ لەشكەرلىرىڭ ھودۇقۇپ كېتىدۇ. ئەساۋنىڭ تاغلىرىدىكى خەلقنىڭ ھەممىسى قىرغىن قىلىنىدۇ! ئەي ئ‍ىدوم، ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا، يەنى تۇغقانلىرىڭغا زوراۋانلىق قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن ئىزا-ئاھانەتكە قالىسەن، ھەمدە مەڭگۈلۈككە ۋەيران قىلىنىسەن. ئۇلار تاجاۋۇزغا ئۇچرىغاندا، سەن ئۇلارغا ياردەم قىلماي، يىراق تۇرىۋالدىڭ. ياتلار يېرۇسالېمدىكى بايلىقنى تالىشىپ چەك تاشلاپ، تالان-تاراج قىلغاندا، سەن خۇددى ئىسرائىللارنىڭ بىر دۈشمىنىگە ئوخشاپ قالدىڭ. تۇغقانلىرىڭ بەختسىزلىككە ئۇچرىغان كۈندە ئۇلارنىڭ بەختسىزلىكىدىن خۇشال بولماسلىقىڭ كېرەك ئىدى. يەھۇدىيە خەلقى ۋەيران بولغان كۈندە شادلانماسلىقىڭ كېرەك ئىدى. ئۇلار بەختسىزلىككە يولۇققان كۈندە مەسخىرە قىلماسلىقىڭ كېرەك ئىدى. مېنىڭ خەلقىم بالا-قازاغا ئۇچرىغان كۈندە، سەن ئۇلارنىڭ شەھىرىگە كىرمەسلىكىڭ كېرەك ئىدى. ئۇلار بالا-قازاغا ئۇچرىغان كۈندە، سەن خۇشال بولماسلىقىڭ كېرەك ئىدى. ئۇلار بالا-قازاغا ئۇچرىغان كۈندە، سەن ئۇلارنىڭ بايلىقلىرىنى بۇلىماسلىقىڭ كېرەك ئىدى. سەن تۆت كوچىنىڭ ئېغىزىدا تۇرۇۋېلىپ، قېچىۋاتقانلارنى قىرماسلىقىڭ كېرەك ئىدى. ئۇلار ۋەيران بولغان كۈندە، سەن ئۇلارنى دۈشمەنلەرگە تۇتۇپ بەرمەسلىكىڭ كېرەك ئىدى.» «مەن پەرۋەردىگارنىڭ پۈتكۈل ئەللەرنى سوراققا تارتىدىغان كۈنى يېقىنلاشماقتا! ئەي ئىدوم، سەن قىلمىشىڭغا يارىشا جازالىنىسەن! رەزىللىكىڭ ئۆز بېشىڭغا چۈشىدۇ! مېنىڭ خەلقىم مۇقەددەس تېغىمدا جازا شارابىنى تولۇق ئىچىۋەتتى، ئەمدە سەن ۋە ئەتراپىڭدىكى ئەللەرمۇ بۇ جازا شارابىنى تولۇق ئىچىۋېتىسىلەر. شۇنداق، سىلەر جازا شارابىنى ئىچىۋېتىسىلەر. سىلەر خۇددى ھېچقاچان مەۋجۇت بولۇپ باقمىغاندەك يوقاپ كېتىسىلەر. لېكىن سىئون تېغى قاچقانلارنىڭ پاناھلىنىدىغان جايىغا ئايلىنىدۇ، ئۇ بىر مۇقەددەس زېمىن بولىدۇ. ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى قايتىپ كېلىپ، ئۆز زېمىنىغا ئىگە بولىدۇ. ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى ئوتقا ئوخشاش بولىدۇ. يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى يالقۇنغا ئوخشاش بولىدۇ. لېكىن ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرى پاخالغا ئوخشاش بولىدۇ. ئۇلار كۆيۈپ كېتىپ، پۈتۈنلەي يوقىلىدۇ. ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ھېچكىم قالمايدۇ.» بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. كېيىن، نەگېب چۆللۈكىدە ياشىغان خۇدانىڭ خەلقى ئىدوم تاغلىرىنى قايتىدىن ئىگىلەيدۇ. غەربىي ئېدىرلىقلاردا ياشىغانلار فىلىستىيەلىكلەرنىڭ زېمىنىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇلار ئەفرايىم ۋە سامارىيە زېمىنلىرىنى ئىگىلەيدۇ. بىنيامىنلەر گىلئاد زېمىنىنى ئىگىلەيدۇ. سۈرگۈن قىلىنغان ئىسرائىل خەلقى ئۆز زېمىنىغا قايتىپ كېلىدۇ، ئۇلار فېنىكىيە زېمىنىنىڭ زارىفات شەھىرىگىچە بولغان جايلارنى ئىگىلەيدۇ. يېرۇسالېمدا تۇتقۇن قىلىنىپ، سىفاراد شەھىرىدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەنلەر قايتىپ كېلىدۇ، ئۇلار نەگېب چۆللۈكىدىكى شەھەرلەرنى ئىگىلەيدۇ. ئۇلار غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، سىئون تېغىغا كېلىپ، ئىدوم تاغلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. پادىشاھلىق پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ بولىدۇ. بىر كۈنى ئامىتاينىڭ ئوغلى يۇنۇسقا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلدى. پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: _ سەن نىنەۋى دېگەن بۈيۈك شەھەرگە دەرھال بېرىپ، ئۇ شەھەردىكىلەرگە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن چىقارغان ھۆكۈمۈمنى جاكارلا، چۈنكى ئۇلارنىڭ قىلغان رەزىللىكلىرى ماڭا يېتىپ كەلدى! لېكىن يۇنۇس ئۆزىنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن قاچۇرۇش ئۈچۈن شۇئان قارشى يۆنىلىشكە ماڭدى. ئۇ جاففا شەھىرىگە بېرىپ، ئىسپانىيەگە بارىدىغان بىر كېمىنى تاپتى ۋە كېمىنىڭ يول ھەققىنى تۆلەپ، كېمىگە چىقىپ، كېمىچىلەر بىلەن بىللە ئىسپانىيەگە بارماقچى بولدى. ئۇ: «ئۇ يەرگە قېچىپ بارسام، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن يىراق بولىمەن» دەپ ئويلىدى. بىراق پەرۋەردىگار دېڭىزغا كۈچلۈك بوران ئەۋەتكەنىدى، دېڭىزدا دەھشەتلىك بوران-چاپقۇن چىقىپ، كېمىنى پارچىلىۋەتكىلى تاس قالدى. شۇنىڭ بىلەن كېمىچىلەر قاتتىق ۋەھىمىگە چۈشۈپ، ھەرقايسى ئۆز ئىلاھلىرىغا يالۋۇردى. كېمە يېنىكلىسۇن دەپ، ئۇلار كېمىدىكى ماللارنى دېڭىزغا تاشلاشتى. يۇنۇس ئۇ ۋاقىتتا كېمىنىڭ ئاستىنقى بۆلۈمىدە يېتىپ، قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەنىدى. كېمە باشلىقى يۇنۇسنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا: _ سەن نېمىشقا ئۇخلاپ ياتىسەن؟ تۇر، ئىلاھىڭغا يالۋۇر! بەلكىم ئۇنىڭ بىزگە نەزىرى چۈشەر، شۇنداق بولسا ھالاك بولمايمىز، _ دېدى. كېمىچىلەر: _ بىزنىڭ مۇشۇ بالايىئاپەتكە دۇچار بولۇشىمىزغا كىم سەۋەبلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقايلى، _ دېيىشىپ چەك تارتىشقانىدى، چەك يۇنۇسقا چىقتى. ئۇلار ئۇنىڭدىن: _ ئېيتقىنا، بۇ بالايىئاپەتنى كىم كەلتۈرۈپ چىقاردى؟ سەن نېمە قىلىدىغان ئادەمسەن، قەيەردىن كەلدىڭ، قايسى ئەل-مىللەتتىنسەن؟ _ دەپ سوراشتى. يۇنۇس ئۇلارغا: _ مەن ئىبرانىيمەن، دېڭىز ۋە قۇرۇق تۇپراقلارنى ياراتقان ئەرشتىكى پەرۋەردىگارغا ئېتىقاد قىلىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى يۇنۇس يەنە ئۇلارغا ئۆزىنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن قېچىپ يۈرگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەنىدى، كېمىچىلەر ئۇنى ئاڭلاپ ئىنتايىن قورقۇشۇپ كەتتى ۋە: _ بۇنداق قېچىپ يۈرگىنىڭ نېمىسى! _ دېدى. بوران-چاپقۇنلار ئەۋجىگە چىققانلىقتىن، ئۇلار ئۇنىڭدىن: _ بىز ساڭا نېمە قىلساق دېڭىز دولقۇنى بىز ئۈچۈن پەسىيىدۇ؟ _ دەپ سوراشتى. يۇنۇس ئۇلارغا: _ مەن شۇنى بىلىمەنكى، مېنىڭ سەۋەبىمدىن سىلەر مۇشۇ دەھشەتلىك بوران-چاپقۇنغا ئۇچرىدىڭلار. مېنى كۆتۈرۈپ دېڭىزغا تاشلاڭلار، دېڭىز دولقۇنى سىلەر ئۈچۈن پەسىيىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى. كېمىچىلەر ئەكسىچە پالاقنى جېنىنىڭ بارىچە ئۇرۇپ، كېمىنى قىرغاققا ئېلىپ بارماقچى بولدى-يۇ، ئالغا ئىلگىرىلىيەلمىدى، چۈنكى بوران-چاپقۇنلار بارغانسېرى ئەۋجىگە چىققانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگارغا: _ ئى پەرۋەردىگار، سەندىن ئۆتۈنىمىزكى، بۇ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىمىزدىن بىزنى ھالاك قىلمىغايسەن. بىگۇناھ ئادەمنىڭ قېنىنى تۆكۈش گۇناھىنى بىزنىڭ ئۈستىمىزگە يۈكلىمىگەيسەن. ئى پەرۋەردىگار، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىرادەڭ بويىچە قىلغانسەن، _ دەپ يالۋۇردى. ئاندىن كېيىن ئۇلار يۇنۇسنى كۆتۈرۈپ دولقۇنلاپ تۇرغان دېڭىزغا تاشلىغانىدى، بوران شۇئان بېسىلدى. كېمىچىلەر بۇ ۋەقەنى كۆرگەچكە پەرۋەردىگاردىن قاتتىق قورقۇشۇپ، ئۇنىڭغا قۇربانلىق قىلىشتى ۋە قەسەملەر بېرىشتى. پەرۋەردىگار يوغان بىر بېلىقنى يۇنۇسنى يۇتۇۋېلىشقا ئەۋەتكەنىدى. يۇنۇس بېلىقنىڭ قورسىقىدا ئۈچ كېچە-كۈندۈز قالدى. يۇنۇس بېلىقنىڭ قورسىقىدا ئۆز خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا مۇنداق دۇئا قىلدى: نالە قىلدىم پەرۋەردىگارغا كۈلپەتتە قالغىنىمدا، قۇلاق سالدى ئۇ ماڭا. پەرياد چەكتىم چوڭقۇر يېرىدىن ئۆلۈكلەر دىيارىنىڭ، قۇلاق سالدىڭ نالەمگە سەن مېنىڭ. سەن تاشلىدىڭ مېنى تېگىگە چوڭقۇر دېڭىزنىڭ، قورشىۋالدى مېنى كۈچلۈك سۇلار، بېسىپ ئۆتتى ئۈستۈمدىن دولقۇنلىرىڭ، ئۆركەشلىرىڭ. مۇنداق دېدىم شۇ پەيتتە: تاشلىنىپ كەتتىم مەن سېنىڭ نەزىرىڭدىن، كۆرىمەن يەنە مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭنى لېكىن. جېنىمنى ئالغۇدەك قورشىۋالدى مېنى سۇلار، ئورىۋالدى ئۆركەشلەر، چىرمىۋالدى بېشىمنى دېڭىزدىكى ئوت-چۆپلەر. چۆكۈپ كەتتىم دېڭىزدىكى تاغلارنىڭ ئۇللىرىغا، چىقىش يوللىرى مەڭگۈگە ئېتىلگەن جايغا. لېكىن ئى پەرۋەردىگار، خۇدايىم، قۇتقۇزۇۋالدىڭ جېنىمنى ئۆلۈكلەر دىيارىدىن ئۆزۈڭ. چىقىپ كېتەي دېگەندە جېنىم، ئى پەرۋەردىگار، سېنى ياد ئەتتىم. يەتتى دۇئايىم ساڭا، سېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭغا. ئەرزىمەس بۇتلارغا چوقۇنىدىغانلار پەرۋەردىگارنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى تەرك ئېتەر. لېكىن مەن بولسام سۇنارمەن ساڭا، شۈكۈرلەر بىلەن قۇربانلىقلار. ۋاپا قىلارمەن قىلغان قەسەملىرىمگە، چۈنكى نىجاتلىق كېلەر پەرۋەردىگاردىنلا. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ھېلىقى بېلىققا بۇيرۇق قىلغانىدى. بېلىق يۇنۇسنى قۇرۇقلۇققا قۇسۇپ چىقاردى. پەرۋەردىگاردىن يۇنۇسقا ئىككىنچى قېتىم ۋەھىي كەلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سەن نىنەۋى دېگەن بۈيۈك شەھەرگە دەرھال بېرىپ، ئۇ شەھەردىكىلەرگە مەن ساڭا تاپشۇرىدىغان سۆزلەرنى جاكارلا، _ دېدى. يۇنۇس شۇئان پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە بىنائەن، نىنەۋىگە باردى. نىنەۋى ئالاھىدە چوڭ بىر شەھەر بولۇپ، ئۇنى ئارىلاپ چىقىشقا ئۈچ كۈن كېتەتٹتى. يۇنۇس شەھەرگە كىرىپ، بىر كۈنلۈك يولنى ماڭغاندىن كېيىن: _ قىرىق كۈندىن كېيىن نىنەۋى شەھىرى خاراب قىلىنىدۇ! _ دەپ جاكارلىدى. بۇنىڭ بىلەن نىنەۋىلىكلەر خۇداغا ئىشىنىپ، روزا تۇتۇشنى قارار قىلدى. پۈتۈن شەھەر خەلقى مەرتىۋىسى يۇقىرى-تۆۋەن بولسۇن، ھەممىسى چىگە رەختكە يۆگىنىپ، توۋا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. بۇ خەۋەر نىنەۋى پادىشاھىغا يەتكەندە، ئۇ تەختىدىن چۈشۈپ، تونىنى سېلىۋېتىپ، چىگە رەختكە يۆگىنىپ، كۈلدە مىلىنىپ ئولتۇردى. پادىشاھ ئۆزى ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ نامىدا نىنەۋىلىكلەرگە مۇنداق ئەمر چۈشۈردى: «مەيلى ئادەم مەيلى ھايۋان، مەيلى كالا مەيلى قوي بولسۇن، ھەممىسى ھېچنېمە تېتىمىسۇن، ئۇلار ھېچنېمە يېمىسۇن، سۇمۇ ئىچمىسۇن. پۈتكۈل ئادەم ۋە ھايۋانلار چىگە رەختكە يۆگەنسۇن. ھەربىر ئادەم خۇداغا قاتتىق يالۋۇرسۇن ھەمدە يامان يولىدىن يانسۇن، زوراۋانلىقتىن قول ئۈزسۇن. كىم بىلىدۇ، خۇدا شۇنىڭ بىلەن نىيىتىدىن، قەھر-غەزىپىدىن يېنىپ، بىزنى ھالاك قىلماي قويامدۇ تېخى!» خۇدا ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى يەنى يامان يوللىرىدىن يانغانلىقىنى كۆرگەندە، ئىلگىرى ئۆزى جاكارلىغان، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرمەكچى بولغان بالايىئاپەتلەرنى ئۇلارغا چۈشۈرمىدى. يۇنۇس بۇ ئىشتىن تولىمۇ نارازى بولۇپ، ناھايىتى ئاچچىقلاندى. شۇڭا ئۇ پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى: _ ئى پەرۋەردىگار، ئۆز يۇرتۇمدا تۇرغىنىمدا سېنىڭ شۇنداق قىلىدىغانلىقىڭنى ئۆز-ئۆزۈمگە ئېيتمىغانمىدىم؟! مەن سېنىڭ ئىنتايىن مېھرىبان ۋە رەھىمدىل خۇدا ئىكەنلىكىڭنى بىلەتتىم. سەن ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيسەن، مېھىر-مۇھەببەتكە تولغانسەن. بالايىئاپەت كەلتۈرۈشتىن يېنىۋالىدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم. شۇڭا ئىسپانىيەگە قاچمىغانمىدىم؟! ئەمدى، ئى پەرۋەردىگار، جېنىمنى ئالغىن! تىرىك ياشىغىنىمدىن ئۆلگىنىم ياخشى! پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا جاۋابەن: _ ئاچچىقلىنىشىڭ توغرىمۇ؟ _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن يۇنۇس شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقىپ، شەھەرنىڭ شەرق تەرىپىدە ئولتۇردى. ئۇ بىر چەللە تىكىپ، ئۇنىڭ سايىسىدا ئولتۇرۇپ، نىنەۋى شەھىرىدە نېمە ۋەقە يۈز بېرىدىغانلىقىغا نەزەر سالدى. پەرۋەردىگار خۇدا يۇنۇسنى كۆڭۈل غەشلىكىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، بىر قاپاق پەلىكىنى ئۈندۈرۈپ، يۇنۇسنىڭ بېشىغا سايە بولسۇن دەپ، ئۇنىڭ ئۈستى تەرىپىگە يېيىلدۇردى. يۇنۇس بولسا قاپاق پەلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن خۇش بولدى. لېكىن ئەتىسى ئەتىگەندە خۇدا ئۆزى بىر قۇرتنى ئەۋەتتى. بۇ قۇرت كېلىپ، قاپاق پەلىكىنى يەپ، ئۇنى كېسىپ قۇرۇتۇۋەتتى. كۈن چىققاندا، خۇدا كۈن چىقىش تەرەپتىن ئىسسىق شامال چىقارغانىدى، قىزىق ئاپتاپ يۇنۇسنىڭ بېشىغا چۈشۈپ، ئۇنى ھالىدىن كەتكۈزدى. شۇڭا ئۇ ئۆلۈمنى تىلەپ: »تىرىك ياشىغىنىمدىن ئۆلگىنىم ياخشى!« دېدى. لېكىن خۇدا ئۇنىڭدىن: _ سېنىڭ بۇ قاپاق پەلىكى ئۈچۈن ئاچچىقلىنىشىڭ توغرىمۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ ھەئە، ئاچچىقىمدا ئۆلگۈدەك بولۇپ قالدىم! _ دەپ جاۋاب بەردى يۇنۇس. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سەن ئۆزۈڭ يا ئۆستۈرمەي، يا ئۇنىڭغا ئەمگەك سىڭدۈرمەي، بىر كېچىدە ئۆسۈپ، ئىككىنچى كېچىسى يوق بولۇپ كەتكەن بىر تۈپ قاپاق پەلىكىگە شۇنچە ئىچىڭ ئاغرىغان يەردە، مەن ئاق-قارىنى پەرقلەندۈرەلمەيدىغان بىر يۈز يىگىرمە مىڭ ئادىمى ۋە نۇرغۇن ھايۋانلىرى بار نىنەۋىدەك چوڭ شەھەرگە ئىچ ئاغرىتماي تۇرالامدىم؟! _ دېدى. يەھۇدىيە پادىشاھلىرىدىن يوتەم، ئاخاز ۋە خىزكىيا ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرلەردە پەرۋەردىگاردىن موراشىت يېزىسىدىكى مىكاھقا ۋەھىيلەر كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا كەلگەن بۇ ۋەھىيلەر سامارىيە ۋە يېرۇسالېم ھەققىدە ئىدى. ئەي بارلىق خەلقلەر، قۇلاق سېلىڭلار! ئەي زېمىن ۋە زېمىندىكى مەۋجۇداتلار سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار! ئىگىمىز پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدا تۇرىدۇ. ئۇ يەردە ئۇ سىلەرگە قارشى گۇۋاھلىق بېرىدۇ. قاراڭلار، پەرۋەردىگار ماكانىدىن ئايرىلىپ، تاغ چوققىلىرىنى دەسسەپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئايىغى ئاستىدىكى تاغلار خۇددى مومدەك ئېرىمەكتە. جىلغىلار يېرىلىپ، قىيا تاشلار خۇددى سۇدەك تاغ باغرىدىن ئاقماقتا. ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ ئىتائەتسىزلىكى ۋە ئىسرائىل خەلقىنىڭ گۇناھلىرى سەۋەبىدىن بۇ ئىشلار يۈز بېرىدۇ. ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ نەدە ئىتائەتسىزلىك قىلغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ سامارىيەدە ئەمەسمۇ؟! يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ نەدە بۇتپەرەسلىك قىلغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ يېرۇسالېمدا ئەمەسمۇ؟! شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەرۋەردىگار سامارىيە شەھىرىنى ۋەيران قىلىمەن، شەھەر ئورنىغا ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىنىدۇ. بۇ شەھەرنىڭ تاشلىرىنى جىلغىغا غۇلىتىمەن، شەھەردىكى ئۆيلەرنىڭ ئۇللىرى ئېچىلىپ قالىدۇ. سامارىيەنىڭ بارلىق بۇتلىرىنى كۇكۇم-تالقان قىلىمەن. ئۇنىڭ بۇتلارغا سۇنغان پۈتكۈل ھەدىيەلىرى كۆيدۈرۈلىدۇ. مەن ئۇنىڭ بارلىق بۇتلىرىنى ۋەيران قىلىمەن. ئۇنىڭ بۇتخانىدا پاھىشىلىك قىلىپ توپلىغان ھارام بايلىقلىرى باشقا ئەلدىكى بۇتپەرەسلەرنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ.» شۇڭا مەن مىكاھ سامارىيە ئۈچۈن ھازا تۇتۇپ، پەرياد قىلىمەن. يالاڭ ئاياغ، يالىڭاچ كېزىپ يۈرىمەن. چىلبۆرىدەك، ھۇۋقۇشتەك ھۇۋلاپ، پەرياد قىلىمەن. سامارىيەنىڭ يارىسىنى ساقايتقىلى بولمايدۇ، بۇ بالا-قازا يەھۇدىيەگىمۇ يېتىپ بارىدۇ. بالا-قازا خەلقىم ياشايدىغان شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغا، يەنى يېرۇسالېمغا قىستاپ كەلمەكتە. بۇنى گات شەھىرىگە بىلدۈرمەڭلار. پەقەت يىغلىماڭلار، بەيت-لىئافرادا قايغۇدىن توپىدا ئېغىناڭلار. ئەي شافىر ئاھالىسى، يالىڭاچ ۋە خورلۇق ئىچىدە سۈرگۈن بولىسىلەر. زائانان ئاھالىسى شەھەردىن چىقىشقا پېتىنالمايدۇ. بەيت-ئېزەل ئاھالىسى ئېچىنىپ يىغلايدۇ، ئۇلار ئەمدى سىلەرگە پاناھ بولالمايدۇ. ماروت ئاھالىسى ئەنسىرەپ، مەدەت كۈتىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئاپىتى يېرۇسالېمنىڭ دەرۋازىسىغا كېلىپ قالدى. ئەي لاكىش ئاھالىسى، ھارۋىلارغا يۈگۈرۈك ئاتلارنى قېتىپ، قېچىڭلار! چۈنكى سىلەر ئىسرائىلىيەنىڭ گۇناھلىرىغا ئەڭ ئاۋۋال ئەگىشىپ، سىئون خەلقىنىڭ گۇناھ قىلىشىغا سەۋەبچى بولدۇڭلار. شۇڭا سىلەر موراشىتگات ئاھالىلىرىگە خوشلىشىش سوۋغاڭلارنى بېرىڭلار. ئاكزىب شەھىرىنىڭ ئاھالىسى ئىسرائىل پادىشاھلىرىنى ئالدايدۇ. ئەي مارېشا خەلقى، پەرۋەردىگار ئۈستۈڭلارغا بىر ئىشغالىيەتچى ئەۋەتىدۇ. ئىسرائىل خەلقىنىڭ يېتەكچىلىرى ئادۇللام غارىغا قېچىپ بارىدۇ. ئەي يەھۇدىيەلىكلەر، چېچىڭلارنى چۈشۈرۈۋېتىڭلار. جانجىگەر ئوغۇل-قىزلىرىڭلار ئۈچۈن نالە قىلىڭلار. بېشىڭلار تازقارىنىڭ بېشىدەك تاقىر بولسۇن. چۈنكى ئوغۇل-قىزلىرىڭلار سۈرگۈن قىلىنىدۇ. تۆشىكىدە يېتىۋېلىپ، باشقىلارغا يامانلىق ۋە رەزىللىك قىلىشنى ئويلىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار ئويلىغان رەزىل ئىشلىرىنى قىلىدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش ئۇلارنىڭ قولىدىن كېلىدۇ. ئۇلار باشقىلارنىڭ يېرىنىڭ كويىدا بولسا يېرىنى، باشقىلارنىڭ ئۆيىنىڭ كويىدا بولسا، ئۆيىنى تارتىۋالىدۇ. بىرسىنى ئۆيىدىن، يەنە بىرسىنى مىراسىدىن ئايرىيدۇ. شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىلەرگە شۇنداق بىر بالا ھازىرلاۋاتىمەنكى، سىلەر بۇ بالادىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر. بېشىڭلارغا شۇنداق ئېغىر بىر كۈن كېلىدۇكى، ئۇ كۈن كەلگەندە، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ يۈرەلمەيسىلەر. ئۇ كۈن كەلگەندە، يات خەلقلەر سىلەرنى زاڭلىق قىلىپ: ‹بىز تۈگەشتۇق، پەرۋەردىگار زېمىنىمىزنى باشقىلارغا بېرىۋەتتى. مۈلكىمىزنى ئېلىپ كەتتى، بىزگە خائىنلىق قىلغانلارغا يەرلىرىمىزنى ئېلىپ بەردى.› دەپ مەسخىرە ناخشىسى ئوقۇشىدۇ.» پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتى ئىچىدە قايتىدىن يەر تەقسىم قىلىش ئۈچۈن چەك تاشلانغاندا، سىلەر ئۈچۈن چەك ئالىدىغانلار بولمايدۇ. خەلق ماڭا مۇنداق دېدى: «بىزگە بۇنداق گەپلەرنى قىلما، بۇنداق بالا-قازالار ھەققىدە بېشارەت بەرمە. بىز ھەرگىز شەرمەندە بولمايمىز!» ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، بۇنداق دېسەڭلار بولامدۇ؟ پەرۋەردىگارنىڭ سەۋر-تاقىتىنىڭ چېكى يوقمۇ؟ ئۇ مۇشۇنداق بالا-قازالارنى كەلتۈرمەسمۇ؟ مېنىڭ سۆزلىرىم دۇرۇس ئادەملەرگە پايدىلىق ئەمەسمۇ؟ يېقىندىن بۇيان سىلەر خەلقىمگە قارشى دۈشمەنگە ئايلىنىپ قالدىڭلار. سىلەر ئۇرۇشتىن قايتىپ يولدىن خاتىرجەم ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ چاپانلىرىنى سالدۇرۇۋالدىڭلار. خەلقىمنىڭ قىز-ئاياللىرىنى بەختلىك ئائىلىلىرىدىن قوغلىدىڭلار. ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىدىن مېنىڭ ئۇلارغا ئاتا قىلغان بەختىمنى مەڭگۈلۈك تارتىپ ئالدىڭلار. ئورنۇڭلاردىن قوپۇڭلار! بۇ يەردىن كېتىڭلار. بۇ زېمىن ئەمدى سىلەرگە خاتىرجەم ماكان بولالمايدۇ! بۇ زېمىننى سىلەر گۇناھىڭلار بىلەن بۇلغىدىڭلار، ئۇنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلدىڭلار. ئەگەر بىر يالغانچى ۋە ئالدامچى سىلەرگە: «سىلەردە مەي، شاراب مول بولىدۇ» دېسە، ئۇ سىلەرنىڭ ياخشى پەيغەمبىرىڭلارغا ئايلىنىدۇ. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ياقۇپ ئەۋلادلىرى، ھەممىڭلارنى يىغىمەن، ھايات قالغان ئىسرائىل خەلقىنى يىغىمەن. سىلەرنى قوي پادىلىرىنى قوتانغا يىغقاندەك يىغىمەن. سىلەر خۇددى يايلاقتىكى قوي پادىسىدەك توپلىشىسىلەر. زېمىنلىرىڭلار يەنە ئادەملەر بىلەن ئاۋاتلىشىدۇ. مەن پەرۋەردىگار يول ئېچىپ، ئالدىڭلاردا ماڭىمەن. سىلەر شەھەر دەرۋازىسىدىن بۆسۈپ چىقىپ، يېڭىباشتىن ھۆرلۈككە ئېرىشىسىلەر. سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلار بولغان مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە يول باشلايمەن، ئالدىڭلاردا ماڭىمەن.» مەن مىكاھ مۇنداق دەيمەنكى، ئەي ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ يېتەكچىلىرى، ئىسرائىل خەلقىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئەجەبا، سىلەر ئادالەتنى بىلمەمسىلەر؟ سىلەر ياخشىلىقتىن نەپرەتلىنىسىلەر، رەزىللىكنى ياخشى كۆرىسىلەر. خەلقىمنىڭ تېرىسىنى تەتۈر سويىسىلەر، گۆشىنى شىلىسىلەر. خەلقىمنىڭ گۆشىنى يەيسىلەر، تېرىسىنى تەتۈر سويىسىلەر. قازانغا سېلىنىدىغان گۆشتەك، سۆڭەكلىرىنى چېقىپ، گۆشلىرىنى پارچىلايسىلەر. لېكىن بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، سىلەر پەرۋەردىگاردىن ئۆتۈنىسىلەر. ئەمما پەرۋەردىگار جاۋاب بەرمەيدۇ. سىلەرنىڭ رەزىللىكىڭلار سەۋەبىدىن پەرۋەردىگار سىلەردىن دىدارىنى يوشۇرىدۇ. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي خەلقىمنى ئازدۇرغان ساختا پەيغەمبەرلەر، سىلەر پەقەت قارنىڭلارنى تويدۇرغانلار ئۈچۈن ئامانلىق تىلەيسىلەر، قارنىڭلارنى تويدۇرمىغانلارغا ھۇجۇم قىلىسىلەر. قاراڭغۇلۇق سىلەرنى قاپساپ كەلمەكتە، ئەمدى ساختا غايىبانە ئالامەتلەرنى توقۇيالمايسىلەر. سىلەرنى زۇلمەت قاپلايدۇ، پال ئاچالمايسىلەر. سىلەر ئۈچۈن قۇياش پاتىدۇ، كۈندۈز قاراڭغۇلۇققا ئايلىنىدۇ. رەمچىلەر خىجىللىقتا، پالچىلار نومۇستا قالىدۇ. شۇنداق، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يۈزى تۆكۈلىدۇ. چۈنكى ئۇلارغا مەن خۇدادىن جاۋاب كەلمەيدۇ.» لېكىن مەن پەرۋەردىگارنىڭ روھىغا چۆمدۈم، قۇدرەت، ئادالەت ۋە كۈچكە تولدۇم. مەن ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ قىلمىشلىرىنى، ئىسرائىللارنىڭ گۇناھلىرىنى ئۇلارنىڭ يۈزىگە سالىمەن. ئەي ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ يېتەكچىلىرى، ئىسرائىل خەلقىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى، سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار! سىلەر ئادالەتنى ئۆچ كۆرىسىلەر، ھەقىقەتنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىسىلەر. سىلەر سىئوننى قاننىڭ، يېرۇسالېمنى يامانلىقنىڭ ئۈستىگە بەرپا قىلدىڭلار. شەھەردىكى يېتەكچىلەر پارا ئېلىپ، ھۆكۈم چىقىرىدۇ. روھانىيلار بەرگەن تەلىمى ئۈچۈن ھەق ئالىدۇ. ساختا پەيغەمبەرلەر پۇل ئۈچۈن پال ئاچىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمىنى كۈتۈپ: «پەرۋەردىگار ئارىمىزدا، بېشىمىزغا ئاپەت كەلمەيدۇ» دەيدۇ. شۇڭا سىلەرنىڭ سەۋەبىڭلاردىن سىئون خۇددى ئېتىزلاردەك ئاغدۇرۇلىدۇ، يېرۇسالېم خارابىلىككە ئايلىنىدۇ، ئىبادەتخانا جايلاشقان تاغنى چاتقاللار قاپلايدۇ. شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى جايلاشقان تاغ تاغلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرىدۇ. ئۇ ھەممە تاغلاردىن بۈيۈك تۇرىدۇ، خەلقلەر ئۇ يەرگە سەلدەك ئېقىپ كېلىدۇ. نۇرغۇن ئەللەر كېلىپ مۇنداق دېيىشىدۇ: «كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا چىقايلى. ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا بارايلى. ئۇ يەردە پەرۋەردىگار بىزگە ئۆز يولى توغرۇلۇق تەلىم بېرىدۇ، بىز ئۇنىڭ يولىدا ماڭىمىز.» پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمى سىئوندىن، سۆزى يېرۇسالېمدىن تارقىلىدۇ. ئۇ خەلقلەر ئارىسىدىكى مەسىلىلەرگە ھۆكۈم چىقىرىدۇ. يېقىن-يىراقتىكى كۈچلۈك ئەللەر ئارىسىدىكى دەتالاشلارنى ھەل قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خەلقلەر قىلىچلىرىنى ساپانغا، نەيزىلىرىنى شاخ پۇتايدىغان پىچاققا ئايلاندۇرۇشىدۇ. ئەللەر بىر-بىرىگە قىلىچ كۆتۈرمەيدۇ، ئۇرۇش مەشقى ئېلىپ بارمايدۇ. ھەركىم ئۆزىنىڭ ئۈزۈم بارىڭى ۋە ئەنجۈر دەرەخلىرى ئاستىدا خاتىرجەم ئولتۇرىدۇ، ھېچكىم ئۇلارنى قورقۇتمايدۇ. چۈنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆزى شۇنداق دەپ ئېيتتى. باشقا ئەللەر ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ يولىدا ماڭىدۇ، لېكىن بىز مەڭگۈ پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ يولىدا ماڭىمىز. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ۋاقتى كەلگەندە، توكۇر بولۇپ قالغان خەلقىمنى يىغىمەن. سۈرگۈن قىلىنغان، ئۆزۈم ئازاب سالغانلارنى قايتۇرۇپ كېلىمەن. مەن ئۇ توكۇرلارنى ئاساسلىق خەلقىم قىلىمەن. مەن سۈرگۈن قىلغانلارنى كۈچلۈك بىر ئەل قىلىمەن. ئاشۇ كۈندىن باشلاپ، مەن پەرۋەردىگار سىئون تېغىدا تۇرۇپ، ئۇلارغا مەڭگۈ ھۆكۈمرانلىق قىلىمەن. ئەي يېرۇسالېم، سەن خەلقنىڭ كۆزىتىش مۇنارى ۋە قەلئەسىسەن. سېنىڭ سەلتەنىتىڭ ئەسلىگە كېلىپ، يەنە بىر قېتىم پادىشاھلىقنىڭ پايتەختى بولىسەن.» ھازىر نېمىشقا ھۆڭرەپ يىغلايسىلەر؟ نېمىشقا تولغىقى تۇتقان ئايالدەك يىغلايسىلەر؟ سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلار يوقمۇ؟ دانىشمەنلىرىڭلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ كەتتىمۇ؟ ئەي سىئون خەلقى، سىلەر تولغىقى تۇتقان ئايالدەك قاتتىق ئىڭراڭلار، چۈنكى سىلەر ئەمدى بۇ شەھەردىن ئايرىلىسىلەر. دالادا ياشايسىلەر، ئەسىرگە ئېلىنىپ بابىلغا ئەكېتىلىسىلەر. كېيىن پەرۋەردىگار سىلەرنى ئۇ يەردە قۇتقۇزىدۇ، دۈشمىنىڭلارنىڭ قولىدىن ئازاد قىلىدۇ. ھازىر نۇرغۇن ئەللەر سىلەرگە قارشى يىغىلدى. ئۇلار: «بىز سىئوننى بۇلغايلى، ئۇنىڭ بۇلغانغانلىقىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرەيلى» دېيىشىدۇ. لېكىن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلمەيدۇ، مەقسەتلىرىنى چۈشەنمەيدۇ. خۇددى بۇغداي باغلىرىنى خامانغا يىغقانغا ئوخشاش، پەرۋەردىگار ئۇلارنى يىغدى، ئەمدى جازالايدۇ. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي سىئون خەلقى، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، دۈشمىنىڭلارنى يانجىڭلار! سىلەرگە تۆمۈر مۈڭگۈز، تۇچ تۇياق ئاتا قىلىمەن، سىلەر نۇرغۇن ئەللەرنى يانجىپ، ۋەيران قىلىسىلەر. ئۇلارنىڭ بايلىقىنى، يەنى ناتوغرا يول بىلەن توپلىغان بايلىقىنى مەن پەرۋەردىگارغا، يەنى پۈتۈن ئالەمنىڭ ئىگىسىگە ھەدىيە قىلىسىلەر.» ئەي يېرۇسالېم، ھازىرلا قوشۇنۇڭنى، دۈشمەن ھۇجۇم قىلىپ، سېنى قورشىۋالدى. ئۇلار تاياق بىلەن ئىسرائىل خەلقىنىڭ يېتەكچىسىنىڭ يۈزىگە ئۇرىدۇ. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئەفراتادىكى بەيتلەھەم، سەن يەھۇدا قەبىلىسىگە قاراشلىق كىچىك بىر يېزىسەن. لېكىن سەندىن بىرسى مەن ئۈچۈن چىقىدۇ، ئۇ ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ نەسەبى ئەلمىساققا تۇتۇشىدۇ.» پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنى دۈشمىنىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. پەقەت ھامىلىدار ئايال بالىسىنى تۇغقاندا، ئاندىن ئۇ بالىنىڭ ئامان قالغان ئىسرائىل قېرىنداشلىرى ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىغا قايتىپ كېلىدۇ. ئۇ قەددىنى رۇسلاپ، پەرۋەردىگارى خۇدانىڭ كۈچى ۋە بۈيۈك نامى بىلەن خەلقىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ، خەلق خاتىرجەم ياشايدۇ. ئۇ چاغدا ئۇنىڭ داڭقى ئالەمنىڭ چېتىگىچە يېتىپ بارىدۇ. ئۇ بىزگە ئامانلىق ئېلىپ كېلىدۇ. ئاسسۇرلار زېمىنىمىزغا ھۇجۇم قىلىپ، قورغانلىرىمىزغا بۆسۈپ كىرگەندە، بىز ئۇلارغا قارشى يەتتە نەپەر يېتەكچى ۋە سەككىز نەپەر سەركەردە تەيىنلەپ، ئۇلارغا زەربە بېرىمىز. ئۇلار قىلىچلىرى بىلەن ئاسسۇرلارغا ۋە نىمرودنىڭ زېمىنىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئاسسۇرلار بىزگە ھۇجۇم قىلىپ، چېگرايىمىزغا ئاياغ باسقاندا، ئۇ بىزنى ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن قۇتقۇزىدۇ. ياقۇپنىڭ ھايات قالغان ئەۋلادلىرى نۇرغۇن ئەللەر ئارىسىدا خۇددى پەرۋەردىگار چۈشۈرگەن شەبنەمگە، ئوت-چۆپلەرگە ياغقان يامغۇرغا ئوخشايدۇ. ئۇلار ھېچكىمگە تايانمايدۇ، ھېچكىمنى كۈتمەيدۇ. ياقۇپنىڭ ئامان قالغان ئەۋلادلىرى ئەللەر ئارىسىغا، يەنى نۇرغۇن ئەللەر ئارىسىغا، خۇددى ئورماندا ياشايدىغان ھايۋانلارنىڭ ئارىسىدىكى شىردەك، قويلار ئارىسىغا ئېتىلىپ كىرگەن ياش شىردەك بۆسۈپ كىرىپ، ئولجىلىرىنى پارە-پارە قىلىپ تاشلايدۇ. ھېچكىم ئولجىلارنى قۇتقۇزالمايدۇ. ئەي ئىسرائىل خەلقى، دۈشمىنىڭلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىسىلەر، بارلىق دۈشمىنىڭلار ۋەيران بولىدۇ! پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ كۈن كەلگەندە، جەڭ ئاتلىرىڭلارنى يوقىتىمەن. جەڭ ھارۋىلىرىڭلارنى پاچاقلاپ تاشلايمەن. زېمىنىڭلاردىكى شەھىرىڭلارنى ۋەيران قىلىمەن، قورغانلىرىڭلارنى چېقىپ تاشلايمەن. سىلەردىكى سېھىرگەرلىكنى يوقىتىمەن. سىلەردە پالچىلار قالمايدۇ. بۇتلىرىڭلارنى ۋە بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىڭلارنى يوقىتىمەن. سىلەر ئەمدى ئۆز قولۇڭلار بىلەن ياسىغان نەرسىلەرگە چوقۇنمايسىلەر. سىلەردىكى ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى يوقىتىمەن، شەھەرلىرىڭلارنى ۋەيران قىلىمەن. ماڭا بويسۇنمىغان خەلقلەرگە قەھر-غەزىپىمنى ياغدۇرۇپ، ئىنتىقام ئالىمەن.» ئەي ئىسرائىللار، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار. ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، تاغلارغا بېرىپ، ئۆزۈڭلارنى ئاقلاڭلار. ئەرزىڭلارنى ئېدىرلار ئاڭلىسۇن. ئەي تاغلار، پەرۋەردىگارنىڭ ئەيىبلىشىنى ئاڭلاڭلار! ئەي زېمىننىڭ مەڭگۈلۈك ئۇللىرى، قۇلاق سېلىڭلار. چۈنكى، پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ ئۈستىدىن دەۋا ئېچىۋاتىدۇ، ئىسرائىللارنى ئەيىبلەۋاتىدۇ. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي خەلقىم، مەن سىلەرگە نېمە قىلدىم؟ سىلەرگە بىرەر ئېغىرلىقىم چۈشتىمۇ؟ جاۋاب بېرىڭلار! مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇردۇم. مۇسا، ھارۇن ۋە مەريەملەرنى سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا يېتەكچى قىلىپ ئەۋەتتىم. ئەي خەلقىم، سىلەر موئاب پادىشاھى بالاقنىڭ سۇيىقەستىنى، بىئورنىڭ ئوغلى بىلئامنىڭ جاۋابلىرىنى ئەسلەپ بېقىڭلار. شىتتىمدىن گىلگالغا قىلغان سەپىرىڭلار جەريانىدا يولۇققانلىرىڭلارنى ئەسلەپ بېقىڭلار. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ قىلغان ئىشلىرىمنىڭ ھەققانىي ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر.» ئەرشتىكى خۇداغا سەجدە قىلغىنىمدا، نېمە ئېلىپ باراي پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا؟ ئۇنىڭغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلايمۇ؟ بىر ياشلىق تورپاقنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلايمۇ-يە؟ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مىڭلىغان قوچقار قۇربانلىق قىلسام، تۈمەنلىگەن دەريالاردا زەيتۇن يېغىنى ئاققۇزسام، ئۇ مەندىن رازى بولارمۇ؟ قىلمىشلىرىم ئۈچۈن تۇنجى ئوغلۇمنى قۇربانلىق قىلايمۇ؟ گۇناھلىرىم ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ پۇشتىدىن جۇدا بولايمۇ؟ ياق! ئەي ئىنسان، نېمىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى پەرۋەردىگار ساڭا بىلدۈردى. پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سەندىن كۈتىدىغىنى نېمە؟ ئۇ سېنىڭ ئادىل، رەھىمدىل بولۇشۇڭنى ۋە ئۆزىنىڭ يولىدا كەمتەرلىك بىلەن مېڭىشىڭنى كۈتىدۇ. پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش دانالىقتۇر. پەرۋەردىگار يېرۇسالېمدا خىتاب قىلماقتا، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «تاياق ۋە ئۇنى ئەۋەتكۈچى مەندىن قورقۇڭلار! مەن رەزىللەرنىڭ ئۆيىدىكى ھارام بايلىقلارغا يەنە كۆز يۇمارمەنمۇ؟ ئۇلارنىڭ ساختا گىر تاشلىرى لەنەتلەنگەندۇر. ناتوغرا تارازا ۋە ساختا تارازا تاشلىرىنى قوللانغان كىشىلەرنى بوش قويۇۋېتەرمەنمۇ؟ شەھەردىكى بايلار زوراۋانلىق، ئاھالىلەر يالغانچىلىق قىلماقتا، ئۇلارنىڭ تىلى ھىيلىگە تولغاندۇر. شۇڭا مەن سىلەرگە ئېغىر زەربە بېرىشكە باشلىدىم، گۇناھلىرىڭلار سەۋەبىدىن سىلەرنى يوقىتىمەن. يېسەڭلارمۇ قورسىقىڭلار تويمايدۇ، يەنىلا ئاچ يۈرىسىلەر. بايلىق يىغىسىلەر، لېكىن يىغقان بايلىقىڭلارنى ساقلىيالمايسىلەر. يىغقىنىڭلارنى ئۇرۇشتا ۋەيران قىلىمەن. تېرىغىنىڭلاردىن ھوسۇل ئالالمايسىلەر. زەيتۇنلۇقۇڭلاردىن بەدىنىڭلارنى مايلىغۇدەك ماي، ئۈزۈمۈڭلاردىن گېلىڭلارنى نەملىگۈدەك شاراب چىقمايدۇ. چۈنكى سىلەر پادىشاھ ئومرىنىڭ ناچار ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىپ، ئوغلى ئاخابنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ رەزىل قىلمىشلىرىغا شېرىك بولدۇڭلار. ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭدىڭلار. شۇڭا مەن سىلەرنى ۋەيران قىلىمەن. ئاھالىلەرنى مەسخىرىگە قويىمەن، سىلەر باشقا ئەللەرنىڭ خورلۇقىغا ئۇچرايسىلەر.» ھالىمغا ۋاي! يازنىڭ مېۋىلىرى يىغىلىپ بولغان، ئۈزۈملەر ئۈزۈلۈپ تۈگىگەن، يېگىلى ھېچقانداق ئۈزۈم تاپالمىغان، كۆڭلىدە ئارزۇ قىلغان تۇنجى پىشقان ئەنجۈرمۇ قالمىغان ئادەمگە ئوخشاپ قالدىم. سەمىمىي ئادەملەر ئۆلۈپ تۈگىدى. زېمىندا دۇرۇس ئادەم قالمىدى. ھەممە ئادەم قان تۆكىمەن دەپ، بىر-بىرىنى پايلاپ تۇرۇشىدۇ. ھەتتا قېرىنداشلىرىغىمۇ تۇزاق قۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ قوللىرى رەزىللىك قىلىشقا ئۇستىدۇر. ئەمەلدار ۋە سوتچىلار پارىخوردۇر. ھوقۇقدارلار خالىغىنىنى قىلىدۇ، ھەممىسى تىل بىرىكتۈرۈپ، ئېغىز بۇرۇن يالىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرى يانتاقتىن، ئەڭ دۇرۇسلىرى تىكەنلىك چىتلاقتىن بەتتەردۇر. پەيغەمبەرلەر ئېيتقان جازا كۈنى كەلدى. ئەمدى ساراسىمىگە چۈشىدىغان ۋاقتىڭلار بولدى. قوشناڭلارغا ئىشەنمەڭلار، دوستلىرىڭلارغا تايانماڭلار، ھەتتا قوينۇڭلاردىكى ئاياللىرىڭلارغىمۇ ئاغزىڭلار چىڭ بولسۇن. ئوغۇل ئاتىسىنى كەمسىتىدۇ، قىز ئانىسىغا، كېلىن قېينئانىسىغا قارشى چىقىدۇ. ھەركىمنىڭ دۈشمىنى ئۆز ئائىلىسىدىدۇر. لېكىن مەن پەرۋەردىگارغا تەلپۈنىمەن، قۇتقۇزغۇچىم خۇدانى كۈتىمەن. خۇدايىم ئىلتىجايىمغا چوقۇم قۇلاق سالىدۇ. ئەي دۈشمەنلىرىم، ھالىمىزدىن شادلانماڭلار، يىقىلغان بولساق، ئورنىمىزدىن تۇرىمىز. قاراڭغۇلۇقتا قالغان بولساق، پەرۋەردىگار بىزگە نۇر بولىدۇ. بىز پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ قىلدۇق. شۇڭا ئۇ بىزنى ياقىلاپ، ئاقلىغۇچە، بىز پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىگە چىدايمىز. ئۇ بىزنى يورۇقلۇققا باشلاپ بارىدۇ. بىز ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى كۆرىمىز. ئۇ چاغدا، دۈشمەنلىرىمىز بۇنى كۆرىدۇ. بۇرۇن بىزنى مەسخىرە قىلىپ: «قېنى، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا؟» دېگەنلەر شەرمەندە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ جازالانغانلىقىغا شاھىت بولىمىز، ئۇلار ئەمدى خۇددى كوچىدىكى لايدەك دەسسىلىدۇ. ئەي ئىسرائىللار، ھامان بىر كۈنى سېپىللىرىڭلار قايتىدىن قۇرۇلىدۇ. ئۇ كۈن كەلگەندە زېمىنىڭلار كېڭىيىدۇ. ئۇ كۈن كەلگەندە، خەلقلەر سىلەرگە كېلىشىدۇ. ئاسسۇردىن مىسىرغىچە، مىسىردىن فىرات دەرياسىغىچە بولغان يەرلەردىكى شەھەرلەردىن، يىراق دېڭىزلاردىن ۋە يىراق تاغلاردىن كىشىلەر سىلەرگە كېلىشىدۇ. لېكىن يەر-زېمىن كىشىلەرنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ. ئى پەرۋەردىگار، ساڭا تەۋە پادىلارغا پادىچى بولغايسەن، ئۇلارنى قوغدىغايسەن! ئەتراپىدا مول ئوتلاقلار بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا چاتقاللىقتا ئايرىم ياشىماقتا. ئۇلارنى بۇرۇنقى ۋاقىتلارغا ئوخشاش، باشان ۋە گىلئادنىڭ مۇنبەت ئوتلاقلىرىدا ئوتلاتقايسەن. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «خۇددى ئەجدادلىرىڭلار مىسىردىن ئايرىلغان چاغدا ئۇلارغا مۆجىزە كۆرسەتكىنىمدەك، سىلەرگىمۇ مۆجىزە كۆرسىتىمەن.» باشقا ئەللەر بۇنى كۆرۈپ، ئۆزلىرىنى كۈچلۈك چاغلىۋالغانلىقلىرىدىن نومۇس قىلىشىپ، قوللىرىدا ئاغزىلىرىنى تۇتۇشىدۇ. قۇلاقلىرى گاس بولىدۇ. ئۇلار يىلاندەك، يەر بېغىرلىغۇچى جانلىقتەك توپا يالايدۇ، ئۇۋىلىرىدىن تىترىگەن ھالدا چىقىپ كېلىشىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگارىمىز خۇدادىن دەھشەتكە چۈشىدۇ، ئۇنىڭدىن قورقىدۇ. قايسى ئىلاھ ساڭا ئوخشاش كەچۈرۈمچان؟! قايسى خۇدا ساڭا ئوخشاش سۈرگۈندىن ھايات قالغان ئۆز خەلقىنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرگەن؟ سېنىڭ غەزىپىڭ مەڭگۈلۈك ئەمەستۇر، چۈنكى سەن مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشتىن خۇرسەن بولىسەن. سەن يەنىلا بىزگە ئىچ ئاغرىتىسەن. ئەيىبلىرىمىزنى ئاياغ ئاستىغا، پۈتكۈل گۇناھلىرىمىزنى دېڭىزنىڭ تەكتىگە تاشلايسەن. سەن قەدىمدە ئەجدادلىرىمىزغا ۋەدە قىلغىنىڭدەك، ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا ئىشەنچىڭنى كۆرسىتىسەن، ئىبراھىم ئەۋلادلىرىغا مېھىر-مۇھەببەت بېغىشلايسەن. بۇ نىنەۋى شەھىرى توغرىسىدىكى ۋەھىي بولۇپ، بۇنى ئەلقوشلۇق ناھۇم خاتىرىلەپ قالدۇرغان. پەرۋەردىگار قىزغىنىدىغان ۋە ئىنتىقام ئالىدىغان خۇدادۇر، پەرۋەردىگار ئىنتىقام ئالىدىغان ۋە غەزەپلىنىدىغان خۇدادۇر. پەرۋەردىگار دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالىدۇ، ئۇ ئۆز رەقىبلىرىگە قەھرى بىلەن قارشى تۇرۇشتا چىڭ تۇرىدۇ. پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى زوردۇر، ئۇ ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيدۇ، لېكىن ئۇ گۇناھكارلارنى جازالىماي قويمايدۇ. ئۇ بوران ۋە قۇيۇن ئىچىدە يۈرەر، بۇلۇتلار گويا ئۇنىڭ ئاياغلىرىدىن كۆتۈرۈلگەن چاڭ-توزانلاردۇر. ئۇ دېڭىزغا: «قۇرۇپ كەت» دەپ ئەمر قىلسا، دېڭىز قۇرۇپ كېتىدۇ، ئۇ بارلىق دەريالارنىمۇ قۇرۇتۇۋېتىدۇ. باشاننىڭ ياپيېشىل يايلاقلىرى ۋە كارمەل تېغىدىكى بۈك-باراقسان ئورمانلىقلار قۇرۇپ قاقشال بولىدۇ، لىۋان تاغلىرىدىكى گۈللەر توزۇيدۇ. ئۇ كەلگەندە تاغلار تەۋرەيدۇ، ئېدىرلار ئېرىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئالدىدا يەر-زېمىن ۋە ئۇنىڭدا ياشاۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى تىترەپ تۇرىدۇ. خۇدانىڭ غەزىپى تاشسا، كىممۇ دەس تۇرالىسۇن؟ كىممۇ ئۇنىڭ غەزەپ ئوتىغا بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟ ئۇنىڭ غەزىپى خۇددى ئوت ياغدۇرۇلغاندەك چۈشىدۇ. قورام تاشلار ئۇنىڭ ئالدىدا پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ. پەرۋەردىگار ياخشىدۇر، ئۇ كۈلپەتلىك كۈنلەردە ئادەملەرگە قورغاندۇر، ئۇ ئۆزىدىن پاناھلىق ئىزدەيدىغانلارنى قوغدايدۇ. لېكىن ئۇ كەلكۈن بىلەن نىنەۋىنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلىدۇ، ئۇ دۈشمەنلىرىنى زۇلمەتكە قوغلايدۇ. ئەي نىنەۋىلىكلەر، نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسىگە قارشى سۇيىقەست ئۇيۇشتۇرىسىلەر؟ ئۇ سىلەرنى شۇنچىلىك خانىۋەيران قىلىدۇكى، ئۇنىڭ يەنە سىلەرنى خانىۋەيران قىلىشىغا ھاجەت قالمايدۇ. سىلەر خۇددى ئىرماش-چىرماش بولۇپ كەتكەن تىكەنلىككە ۋە شاراب ئىچىپ مەست بولۇپ كەتكەن ئادەملەرگە ئوخشايسىلەر. سىلەر قۇرۇق سامانغا ئوخشاش پۈتۈنلەي كۆيۈپ تۈگەيسىلەر. ئاراڭلاردىن رەزىللىك بىلەن سۇيىقەست ئۇيۇشتۇرغان بىرى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇ پەرۋەردىگارغا قارشى يامان غەرەزدە بولغۇچىدۇر. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي خەلقىم يەھۇدىيەلىكلەر، ئاسسۇرلار قانچە كۈچلۈك ۋە كۆپ بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا گۇمران قىلىنىپ يوقىتىلىدۇ. مەن ئىلگىرى سىلەرنى ئازابقا سالغانىدىم، ئەمدى سىلەرنى قايتا ئازابلىمايمەن. مەن نىنەۋىلىكلەرنىڭ بوينۇڭلاردىكى بويۇنتۇرۇقىنى سۇندۇرۇپ تاشلايمەن، ئۇلارنىڭ سىلەرگە سالغان كىشەنلىرىنى ئۈزۈۋېتىمەن.» ئەي نىنەۋىلىكلەر، پەرۋەردىگار سىلەر توغرۇلۇق مۇنداق پەرمان چۈشۈردى: «سىلەرنىڭ نامىڭلارنى داۋاملاشتۇرىدىغان ئەۋلادلىرىڭلار قالمايدۇ. مەن ئىلاھلىرىڭلارنىڭ بۇتخانىلىرىدىكى ئويما ۋە قۇيما بۇتلارنى پاچاقلاپ تاشلايمەن. مەن سىلەر ئۈچۈن گۆر تەييارلاۋاتىمەن، چۈنكى سىلەر ئەرزىمەس ئادەملەرسىلەر.» قاراڭلار، تاغ-داۋانلاردىن ئېشىپ، خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگۈچىنىڭ قەدەملىرى يېتىپ كەلمەكتە، ئۇ تىنچلىقنى جاكارلىماقتا! ئەي يەھۇدىيەلىكلەر، ئەمدى ھېيتلىرىڭلارنى تەبرىكلەۋېرىڭلار! قىلغان ۋەدىلىرىڭلارغا ئەمەل قىلىۋېرىڭلار! قەبىھ ئاسسۇرلار ئەمدى سىلەرگە ھەرگىز ھۇجۇم قىلالمايدۇ، ئۇلار پۈتۈنلەي يوقىتىلىدۇ. ئەي نىنەۋىلىكلەر، ۋەيران قىلغۇچىلار كېلىپ، سىلەرگە ھۇجۇم قىلماقچى! سېپىللىرىڭلارغا قاراۋۇللارنى قويىۋېرىڭلار، يوللارنى مۇھاپىزەت قىلىۋېرىڭلار، قوشۇنلىرىڭلارنى يىغىپ، كۈچۈڭلارنى توپلاۋېرىڭلار! ئەي نىنەۋىلىكلەر، سىلەر يەھۇدىيەنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈزۈمزارلىقلىرىنى بۇزۇۋەتكەن بولساڭلارمۇ، لېكىن پەرۋەردىگار خۇددى ئىسرائىلىيەنىڭ شان-شەرىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولغاندەك، ياقۇپنىڭ ئەجدادلىرى بولغان يەھۇدىيەنىڭ شان-شەرىپىنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. سىلەرنى يوقىتىدىغان دۈشمەن لەشكەرلىرى قىزىل كىيىملەرنى كىيىدۇ، ئۇلارنىڭ قالقانلىرى قىپقىزىل بولۇپ، پارقىرايدۇ. جەڭ كۈنىدە ھارۋىلارنىڭ تۆمۈرلىرى ئوتتەك چاقنايدۇ، ئۇلار نەيزىلىرىنى كۆتۈرۈپ ئوينىتىدۇ. جەڭ ھارۋىلىرىنى كوچا-كويلاردا ئۇچقاندەك ھەيدەپ، دالالاردا ئۇيان-بۇيان چېپىشىپ يۈرىدۇ. ھارۋىلار مەشئەللەردەك يېنىپ، چاقماق تېزلىكىدە ئالغا ئېتىلىدۇ. لەشكەر باشلىرى چاقىرتىلىدۇ. ئۇلار ئالدىرىغىنىدىن بىر-بىرىگە پۇتلىشىپ كېتىدۇ. دۈشمەن دەرۋازىنى بۇزۇپ ئېچىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان كۆتەكنىڭ ئۈستىگە قالقان بولىدىغان لەمپە ئورنىتىدۇ. دەريا بويىغا سېلىنغان قوۋۇقلار ئېچىلىدۇ، ئوردا ئوتتا كۆيۈپ كېتىدۇ. مۇقەررەركى، نىنەۋىلىكلەر ئەسىرگە ئېلىنىپ، سۈرگۈن قىلىنىدۇ، كېنىزەكلەر كەپتەردەك ئۈنلىشىپ پەرياد قىلىپ، كۆكرەكلىرىگە مۇشتلاپ، ھازا تۇتىدۇ. خۇددى ئېچىۋېتىلگەن تۇغاندىن ئېتىلىپ چىققان سۇدەك، خالايىق نىنەۋى شەھىرىدىن قېچىشىدۇ. لەشكەر باشلىرى: «توختاڭلار! توختاڭلار!» دەپ ۋارقىراشسىمۇ، لېكىن ھېچكىم ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قارىمايدۇ. ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئولجا ئېلىڭلار! بۇ يەردە پۈتمەس-تۈگىمەس بايلىقلار بار، قىممەتلىك خەزىنىلەر سان-ساناقسىزدۇر. نىنەۋى شەھىرى قۇرۇقدىلىنىپ، تاشلىنىپ خانىۋەيران قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ، پۇت-قوللىرىدا جان قالمايدۇ، تەنلىرى جۇغۇلداپ، چىرايلىرىدا قان قالمايدۇ. نىنەۋى شەھىرىگە نېمە بولغاندۇ؟ ئۇ شىرلار ئۇۋىسىغا ئوخشاش ئىدىغۇ! ئۇ يەردە ياش شىرلار غىزالىناتتى، ئارسلانچاقلار ئەركەك ۋە چىشى شىر بىلەن بىخەتەر ياشايتتى. شىر كۈچۈكلىرىگە يېتەرلىك ئولجىلارنى پارچىلاپ تىتىپ بېرەتتى، چىشى شىر ئۈچۈن تىرىك ئولجىنى بوغۇپ ئۆلتۈرەتتى، ئۆڭكۈرى ئولجا بىلەن توشۇپ كېتەتتى. ئۇۋىسىغا گۆش پارچىلىرى دۆۋىلىنىپ كېتەتتى. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئاڭلاپ تۇر، ئەي نىنەۋى، مەن ساڭا قارشىدۇرمەن! جەڭ ھارۋىلىرىڭنى كۆيدۈرۈۋېتىمەن، ياش ئارسلانلىرىڭ قىلىچتا ھالاك بولىدۇ، مەن ئەمدى يەر يۈزىدە ساڭا ئولجا قالدۇرمايمەن. بۇنىڭدىن كېيىن ئەلچىلىرىڭنىڭ ئاۋازلىرى ئۆچىدۇ.» ھالىڭغا ۋاي، قانخورلۇققا تولغان شەھەر، ھالىڭغا ۋاي، يالغانچىلىققا چۆمگەن شەھەر، ھالىڭغا ۋاي، ئولجىلارغا كۆمۈلگەن شەھەر، سەندە تالان-تاراج ھېچقاچان ئۈزۈلمەس. قۇلاققا ئاڭلىنىپ تۇرار، قامچىلارنىڭ تاراسلاشلىرى، چاقلارنىڭ جاراق-جۇرۇقلىرى، چېپىۋاتقان ئات تۇياقلىرىنىڭ دۈپۈرلەشلىرى، جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ تاراقلاشلىرى. ھارۋىلىق لەشكەرلەر ئالدىغا قاراپ ئېتىلىدۇ. قىلىچلار چاقنايدۇ، نەيزىلەر يالتىراپ تۇرىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئۆلتۈرۈلىدۇ. سان-ساناقسىز جەسەتلەر دۆۋىلىنىپ كېتىدۇ. ئادەملەر جەسەتلەرگە پۇتلىشىپ تۇرىدۇ. چۈنكى سەن ئۆزۈڭنى ناز-كەرەشمىلىك بۇزۇق پاھىشىدەك تۇتتۇڭ. جادۇگەرلىك بىلەن ئەللەرنى ئۆزۈڭگە جەلپ قىلىپ، بۇزۇقچىلىق بىلەن ئۇلارنى ئۆزۈڭگە قۇل قىلدىڭ. سېھىر-جادۇلىرىڭ بىلەن خەلقلەرنى ئۆزۈڭگە ئەگەشتۈردۈڭ. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي نىنەۋى، ئاڭلاپ تۇر! مەن ساڭا قارشىدۇرمەن! مەن كۆڭلىكىڭنىڭ ئېتىكىنى قايرىۋېتىپ، يۈزۈڭگە يېپىپ قويىمەن. ئەللەرگە سېنىڭ يالىڭاچ تېنىڭنى كۆرسىتىمەن. ئەللەر ئالدىدا سېنى شەرمەندە قىلىمەن. ئۈستبېشىڭغا نىجاسەت ياغدۇرۇپ، سېنى رەسۋا قىلىمەن. كۆپچىلىككە سېنىڭ تاماشاڭنى كۆرسىتىمەن. سېنى كۆرگەنلا ئادەم سەندىن سەسكىنىپ قېچىپ: ‹نىنەۋى خاراب بولدى! كىممۇ سەن ئۈچۈن قايغۇ-ھەسرەت چېكەر؟› دەيدۇ. ساڭا تەسەللى بېرىدىغان ئادەم ئەسلا يوقتۇر!» ئەي نىنەۋى، سېنىڭ ئەھۋالىڭ مىسىرنىڭ پايتەختى نوئاموندىن بىخەتەر ئەمەس! ئۇ شەھەر نىل دەرياسىنىڭ يېنىدا بولۇپ، سۇلار ئۇنىڭ تۆت ئەتراپىنى ئوراپ تۇراتتى. دەريا ئۇنى ئىستىھكامدەك قوغدايتتى. ئۇنىڭ ئىلكىدە تۇرۇۋاتقان كۇش ۋە مىسىر ئۇنىڭ چەكسىز كۈچ-قۇدرىتى ئىدى. لىۋىيە ۋە پۇئۇت ئەللىرى ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئىدى. شۇنداقتىمۇ نوئامون خەلقى ئەسىرگە ئېلىنىپ، سۈرگۈن بولدى. ئۇلارنىڭ بوۋاقلىرى دوقمۇش-دوقمۇشلاردا يەرگە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلدى، مۆتىۋەرلەرگە چەك تاشلاندى، يۇرت كاتتىلىرىنىڭ ھەممىسى كىشەنلىنىپ تۇتۇپ كېتىلدى. ئەي نىنەۋىلىكلەر، سىلەرمۇ ئەمدى مەست ئادەمدەك دەلدەڭشىپ قالىسىلەر، سىلەر دۈشمەنلىرىڭلاردىن يوشۇرۇنۇپ، ئۆزۈڭلارغا پاناھ ئىزدەپ يۈرىسىلەر. سىلەرنىڭ بارلىق قورغانلىرىڭلار خۇددى تۇنجى مېۋىگە كىرىپ، مەي باغلىغان ئەنجۈر دەرىخىگە ئوخشايدۇ. دەرەخ ئىرغىتىلسا، ئەنجۈر ئەنجۈرنى ئىستىگۈچىنىڭ ئاغزىغا چۈشىدۇ. سىلەرنىڭ جەڭچىلىرىڭلار خۇددى خوتۇن كىشىدەك بولۇپ قالىدۇ. يۇرتىڭلارنىڭ دەرۋازىلىرى دۈشمىنىڭلارغا كەڭ ئېچىلىدۇ، ئوت دەرۋازاڭلارنىڭ بالداقلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ. سىلەر سۇلارنى زاپاس ساقلاپ، دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قورشاۋىغا تەييارلىق قىلىۋېرىڭلار! مۇداپىئەيىڭلارنى كۈچەيتىۋېرىڭلار! پۇتلىرىڭلار بىلەن لاي ئېتىپ، كېسەكلەرنى قۇيۇپ، سېپىللىرىڭلارنى مۇستەھكەملىۋېرىڭلار! مەيلى قانداقلا قىلماڭلار، ھامىنى ئوت يەنىلا سىلەرنى يالماپ يۇتىدۇ. قىلىچ بوينۇڭلاردا بولىدۇ. خۇددى زىرائەتلەر چېكەتكىلەر تەرىپىدىن قىرىپ تاشلانغاندەك، سىلەرمۇ قىرىپ تاشلىنىسىلەر. كۆپىيىۋېرىڭلار، خۇددى چېكەتكىلەردەك كۆپىيىۋېرىڭلار! سىلەرنىڭ سودىگەرلىرىڭلار ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردىنمۇ كۆپ بولۇپ، ئۇلار بىر توپ چېكەتكىلەردەك ھەممىنى قۇرۇقداپ ئۇچۇپ كېتىدۇ. سىلەرنىڭ سەركەردىلىرىڭلار خۇددى سوغۇق كۈنلەردە چىتلاقلارنى قاپلىغان بىر توپ چېكەتكىلەرگە ئوخشايدۇ. لېكىن قۇياش چىققاندا، ئۇلار ھېچكىم بىلمەيدىغان يەرلەرگە ئۇچۇپ كېتىدۇ. ئەي ئاسسۇر پادىشاھى، سېنىڭ ئەمەلدارلىرىڭنىڭ كۆزى يۇمۇلدى، سېنىڭ ئېسىلزادىلىرىڭ مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتتى! سېنىڭ خەلقىڭ تاغلارغا چېچىلىپ كەتتى. ئۇلارنى يىغىدىغان بىرمۇ كىشى قالمىدى. سېنىڭ جاراھىتىڭنى ساقايتىش مۇمكىن ئەمەس، سېنىڭ ياراڭ ئەجەللىكتۇر. سېنىڭ تۈگەشكەنلىكىڭنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى خۇشاللىقتىن چاۋاك چالىدۇ. كىم سېنىڭ تۈگىمەس زوراۋانلىقىڭنىڭ دەردىنى تارتمىغان؟! بۇ، خاباقۇق پەيغەمبەرگە كەلگەن ۋەھىيدۇر. ئى پەرۋەردىگار، قاچانغىچە نالە قىلسام قۇلاق سالارسەن؟ «زوراۋانلىق بولۇۋاتىدۇ!» دەپ چاقىرساممۇ قۇتقۇزمامسەن؟ نېمە ئۈچۈن مېنى شۇنچىۋالا ناھەقچىلىكنى كۆرۈشكە زورلايسەن؟ نېمە ئۈچۈن يامانلىقنى كۆرۈپ تۇرۇپ پەرۋا قىلمايسەن؟ قاياققا قارىسام كۆرگىنىم ۋەيرانچىلىق ۋە زوراۋانلىق، ھەممە يەردە جېدەل-ماجىرا، ئۇرۇش-تالاش. نەتىجىدە قانۇن كۈچىنى يوقاتقان، ئادالەتمۇ ھەرگىز ئوتتۇرىغا چىقالمىغان. رەزىللەر ھەققانىيلارنى قورشىۋالغان، ئادالەت بۇرمىلانغان. يات ئەللەرگە قاراپ بېقىڭلار! كۆرگەنلىرىڭلاردىن ھەيران-ھەس قالىسىلەر. مەن سىلەرنىڭ بۇ زامانىڭلاردا بىر ئىش قىلماقچىمەنكى، سىلەر ئاڭلاپمۇ ئىشەنمەيسىلەر. مانا، مەن رەھىمسىز ۋە قىزىققان بابىل خەلقىنى كۈچەيتمەكچىمەن. ئۇلار جاھانغا يۈرۈش قىلىپ، باشقىلارنىڭ ماكانلىرىنى ئىگىلىۋالىدۇ. ئۇلار قورقۇنچلۇق، ۋەھشىي خەلقتۇر. ئۇلار ئىنتايىن ھاكاۋۇر بولۇپ، ئۆز ئالدىغا پەتىۋا چىقىرىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتلىرى يىلپىزدىن چاققان، گۇگۇمدىكى ئاچ بۆرىدىن ھوشياردۇر. ئۇلارنىڭ ئاتلىقلىرى يىراقتىن چېپىشىپ كېلىپ، ئولجىنى قاماللاش ئۈچۈن خۇددى بۈركۈتتەك شۇڭغۇپ چۈشىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى زوراۋانلىق قىلىش ئۈچۈنلا كېلىدۇ. قوشۇنلار خۇددى قۇملۇقتىكى بوراندەك باستۇرۇپ كېلىپ، قۇمدەك ھېسابسىز كىشىلەرنى ئەسىر ئالىدۇ. ئۇلار پادىشاھلارنى مەسخىرە قىلىپ، ھۆكۈمدارلارنى زاڭلىق قىلىدۇ. ئۇلار شەھەر سېپىللىرىنى كۆرۈپ كۈلۈشۈپ كېتىدۇ، ئۇلار توپا دۆۋىسى ياساپ سېپىلغا چىقىپ، شەھەرلەرنى ئىشغال قىلىدۇ. ئۇلار شىددەتلىك بوراندەك تېز كېلىپ تېز ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئۇلار ئۆز كۈچىنى «ئىلاھ» دەپ بىلگەن گۇناھكارلاردۇر. ئى پەرۋەردىگار، مۇقەددەس خۇدايىم، سەن ئەزەلدىن بار خۇداسەن! شۇنداق ئىكەن بىز يوقالمايمىز. ئى پەرۋەردىگار، سەن ئۈستىمىزدىن ھۆكۈمىڭنى يۈرگۈزۈشكە بابىللىقلارنى تەيىنلىدىڭ. ئى خۇدا، سەن مۇستەھكەم قورام تاشتۇرسەن، سەن بابىللىقلارنى بىزنى جازالاشقا تىكلىدىڭ. لېكىن كۆزلىرىڭ شۇنچە پاككى، رەزىللىككە قاراپ تۇرالمايسەن، سەن يامانلىققا چىداپ تۇرالمايسەن. شۇنداق ئىكەن سەن نېمە ئۈچۈن بۇ مەككارلارغا چىداپ تۇرىسەن؟ رەزىللەر ئۆزلىرىدىن ھەققانىيراق ئادەملەرنى يۇتۇۋاتسا، نېمىشقا جىم تۇرىسەن؟ سەن خەلقلەرنى دېڭىزدىكى بېلىقلاردەك قىلىپ قويدۇڭ، باشلامچىسى يوق دېڭىز مەخلۇقلىرىدەك قىلىپ قويدۇڭ. بابىللىقلار قارماق بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تۇتىدۇ، ئۇلارنى تور تاشلاپ سۈزۈۋالىدۇ، يايما تور تاشلاپ يىغىۋالىدۇ، ئۇلار خۇشاللىقىدىن شادلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئۆز تورىغا چوقۇنۇپ، ئۇنىڭغا قۇربانلىق قىلىدۇ. يايما تورىغا كۈجە كۆيدۈرىدۇ. چۈنكى ئۇلار بۇ تورلىرى بىلەن ھەشەمەتلىك ياشايدۇ، ئۇلارنىڭ تائاملىرى ناھايىتى مولدۇر. ئۇلار قاچانغىچە توختىماستىن تورىنى تاشلاپ، خەلقلەرنى داۋاملىق رەھىمسىزلەرچە قىرغىن قىلىدۇ؟ مەن كۆزىتىش مۇنارىدا تۇرۇپ كۆزەتچىلىك قىلىمەن، سېپىلدا تۇرۇپ قاراۋۇللۇق قىلىمەن. پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشىنى كۈتۈپ قاراپ تۇرىمەن، شۇندىلا ئۇنىڭغا قىلغان شىكايەتلىرىم توغرىسىدا قانداق جاۋاب بېرىشنى بىلەلەيمەن. پەرۋەردىگار ماڭا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «ساڭا ئايان قىلغان سۆزلىرىمنى يېزىۋال! ئۇنى تاش تاختىغا ئېنىق قىلىپ پۈتكىن! خەۋەرچى يۈگۈرۈپ كېتىۋېتىپ، ئۇنى ئاسان ئوقۇپ، جاكارلىيالايدىغان بولسۇن! چۈنكى بۇ ۋەھىي بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئەمەلگە ئاشىدۇ، ئۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىش ۋاقتى تېزلا كېلىدۇكى، ھەرگىز يالغان بولۇپ چىقمايدۇ. گەرچە ئاستا كېلىۋاتقاندەك بىلىنسىمۇ، سەۋر قىلىپ كۈتكىن. ئۇ جەزمەن ئەمەلگە ئاشىدۇكى، ھەرگىز كېچىكتۈرۈلمەيدۇ. سۆزلىرىم شۇكى: ئۆزىنى چوڭ تۇتقان ئادەمنىڭ قەلبى رەزىللىشىپ كەتكەن بولىدۇ. لېكىن ھەققانىيلار خۇداغا بولغان ساداقەتمەنلىكى بىلەن ياشايدۇ. ھاراق بابىلغا خائىنلىق قىلىدۇ. ئۇ ھاكاۋۇرلۇقىدىن ھېچقاچان جىم تۇرالمايدۇ. ئۇ خۇددى جەسەتكە تويماس گۆرگە، ياكى ئۆلۈكلەر ماكانىغا ئوخشاش ئاچ كۆزدۇر، ئۇ ئەللەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ، بارلىق خەلقلەرنى ئەسىرگە ئالىدۇ. لېكىن بۇ ئەللەر بابىللىقلارنى مەسخىرە ۋە تەنە گەپلەر بىلەن مازاق قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: ‹ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي، مال-دۇنيا ئوغرىلاپ، دۆۋىلىگەنلەر! ئالدامچىلىق بىلەن بېيىغانلار! بۇ قىلمىشىڭلار قاچانغىچە داۋاملىشار؟› قەرزدارلار توساتتىنلا قوزغالماسمۇ؟ ئۇلارنىڭ قوزغىلىشى سىلەرنى شۈركەندۈرمەسمۇ؟ ئۇ چاغدا سىلەر ئۇلارنىڭ ئولجىسى بولىسىلەر. چۈنكى سىلەر نۇرغۇن ئەللەرنى تالان-تاراج قىلدىڭلار، شۇڭا ئۇلارنىڭ ھايات قالغانلىرى ئەمدى سىلەرنىمۇ تالان-تاراج قىلىدۇ. چۈنكى سىلەر كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۆكۈپ، ئۇلارنىڭ زېمىن ۋە شەھەرلىرىنى پۇقرالىرى بىلەن قوشۇپ ھالاك قىلدىڭلار. ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ناھەق يول بىلەن پۇل تېپىپ، ئۆيىنى مال-دۇنياغا تولدۇرغانلار! زىيان-زەخمەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇۋىسىنى ئېگىز يەرگە قۇرغانلار! ئۆز سۇيىقەستلىرىڭلار ئۆز نامىڭلارغا داغ چۈشۈرىدۇ، سىلەر نۇرغۇن خەلقلەرنى يوقاتقانلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارغا ھالاكەت ئېلىپ كېلىسىلەر. ئۆيۈڭلارنىڭ تېمىدىكى تاشلار سىلەرگە قارشى توۋلىشار، تورۇستىكى ياغاچ لىملارمۇ سىلەرگە ئەكس-سادا قايتۇرار. ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قان تۆكۈش بەدىلىگە شەھەر قۇرغانلار، رەزىللىك بىلەن شەھەر بەرپا قىلغانلار! قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىنسانلارنىڭ بايلىقىنىڭ ئوتقا ئوتۇن بولىدىغانلىقىنى، ئەللەرنىڭ بىھۇدە مېھنەت قىلىپ ھالىدىن كېتىدىغانلىقىنى ئىرادە قىلغان ئەمەسمۇ؟ خۇددى سۇلار دېڭىزنى تولدۇرغاندەك، پۈتۈن يەر يۈزى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى بىلىش بىلەن تولدۇرۇلىدۇ. ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قوشنا ئەللەرگە ھاراق ئىچكۈزگەنلەر! سىلەر ئۇلارنىڭ يالىڭاچ ھالىتىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۇلارغا تۇلۇملاپ ھاراق ئىچكۈزىسىلەر. سىلەر شان-شەرەپگە ئېرىشمەستىن، بەلكى شەرمەندىلىكتە قالىسىلەر. ئىچىش! سەنلەرنىڭ خەتنىسىزلىكىڭلار ئاشكارىلانسۇن! پەرۋەردىگارنىڭ ئوڭ قولىدىكى ئازابقا تولغان قەدەھتىكى شارابنى ئىچىش نۆۋىتى سەنلەرگە كەلدى. شان-شەرىپىڭلار شەرمەندىلىككە ئايلىنىدۇ. سىلەر لىۋان ئورمانلىقلىرىنى كېسىپ تاشلىغان بولساڭلار، ئەمدى ئۆزۈڭلارمۇ شۇنداق كېسىپ تاشلىنىسىلەر! ھايۋانلارنى قىينىغان بولساڭلار، ئەمدى سىلەرمۇ ۋەھىمىگە چۈشىسىلەر! چۈنكى سىلەر كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۆكۈپ، زېمىن ۋە شەھەرلىرىنى پۇقرالىرى بىلەن قوشۇپ ھالاك قىلدىڭلار. بۇتنىڭ قولىدىن نېمە ئىش كەلسۇن؟ ئۇنى ئادەم ئويۇپ چىققانغۇ! يالغانچىلىققا ئىشەندۈرىدىغان قۇيما بۇتلارنىڭمۇ نېمە پايدىسى بار؟ ئۆزى ياسىۋالغان، گەپ قىلالمايدىغان بۇتقا چوقۇنۇش نېمىدېگەن ئەخمەقلىق-ھە! ياغاچقا: ‹ئويغان!›، جانسىز تاشقا: ‹تۇر!› دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! بۇ بۇتلار سىلەرگە يول كۆرسىتەلەمدۇ؟ قاراپ بېقىڭلارچۇ، گەرچە ئۇنىڭ سىرتى ئالتۇن-كۈمۈش بولسىمۇ، ئۇ بىر جانسىز نەرسىغۇ! پەرۋەردىگار بولسا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدىدۇر، پۈتكۈل جاھان ئۇنىڭ ئالدىدا شۈك بولسۇن.» خاباقۇق پەيغەمبەرنىڭ دۇئاسى: («شىگيونوت» بويىچە ئېيتىلغان) ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ شۆھرىتىڭنى ئاڭلىدىم، ئەيمىنەرمەن ئۇلۇغۋار ئىشلىرىڭدىن، ئى پەرۋەردىگار. زامانىمىزدا شۇ ئىشلارنى قايتا قىلغايسەن، شۇ ئۇلۇغۋار ئىشلىرىڭنى قايتا كۆرسەتكەيسەن، غەزەپلەنگەندىمۇ رەھىمدىللىكىڭنى ئېسىڭدىن چىقارمىغايسەن. كۆردۈمكى كەلگەنلىكىنى خۇدانىڭ تېمان زېمىنىدىن، كۆردۈمكى چۈشكەنلىكىنى مۇقەددەس خۇدانىڭ پاران تېغىدىن. ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقى كۆكنى قاپلىدى، تولدى پۈتكۈل يەر-زېمىن ئۇنىڭغا ئېيتىلغان ھەمدۇسانالارغا. ئۇنىڭ جۇلاسى خۇددى تاڭ نۇرىدەك پارلاق، قۇدرەت يوشۇرۇنغان قولىدىن چېقىلار چاقماق. قورقۇنچلۇق كېسەللەر يۈرەر ئۇنىڭ ئالدىدا، ۋە ھەم كېلەر ۋابا ئۇنىڭ ئارقىسىدا. توختىغاندا ئۇ، كېلەر لەرزىگە جاھان، نەزەر سالغىنىدا تىترىشەر خەلق ھامان. بولسىمۇ قەدىمىي تاغلار كۇكۇم-تالقان، تۈزلىنىپ كەتسىمۇ ئەبەدىي داۋان، ئۆزگەرمەس ئۇنىڭ قىلغانلىرى ھامان. كۆردۈمكى چېدىرلاردىكى غەمگە پاتقان كۇشان قەبىلىسىنى، كۆردۈمكى چېدىرلاردىكى ۋەھىمىدىن تىترىگەن مىديان خەلقىنى. ئى پەرۋەردىگار، ئاچچىقلانغانمىدىڭ دەريالارغا؟ غەزەپلەنگەنمىدىڭ ئېقىنلارغا؟ ئاتلىرىڭنى مىنىپ، غەلىبىلىك جەڭ ھارۋىلىرىڭنى ھەيدىگىنىڭدە، تاشقانمىدى قەھرىڭ دېڭىزلارغا؟ تۇرار ئوقيايىڭ جەڭگە تەييار، تۇرار ئوقداندا لىق ئوقلار. ئايرىدىڭ تاشقىن بىلەن يەر يۈزىنى، تەۋرەندى تاغلار كۆرگەندە سېنى. كەلكۈن كېلىپ، سۇلار ئۆركەشلەپ، يەتتى پەلەككە شاۋقۇنلىرى. چاقنىشىدا ئۇچۇۋاتقان ئوقلىرىڭنىڭ، جۇلاسىدا پارقىراق نەيزەڭنىڭ، توختاپ قالدى كۈن بىلەن ئاي ئەرشتە. زېمىنغا تاشلىدىڭ قەدەم غەزىپىڭدە، ئېزىپ تاشلىدىڭ ئەللەرنى قەھرىڭدە. ياق! بەلكى كەلدىڭ ئۆز خەلقىڭنى قۇتقۇزۇشقا، تاللىغىنىڭغا نىجاتلىق بېرىشكە. سەن رەزىللەرنىڭ يول باشلامچىسىنى ئۇردۇڭ، ۋەيران قىلدىڭ پۈتۈنلەي ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى. يوقاتتىڭ ئۆز قورالى بىلەن دۈشمەننىڭ سەركەردىسىنى. بوراندەك ئاتلانغانىدى تارقىتىۋېتىشكە ئۇلار بىزنى، كۆرەڭلىگەن بىزنى ئاسان قولغا كېلىدىغان ئولجا دەپ. ئاتلىرىڭ بىلەن چەيلەپ، چالغىتتىڭ دېڭىزنى، تاشقىنلاتتىڭ دېڭىزدىكى ئۇلۇغ سۇلارنى. ئاڭلاپ بۇلارنى شۈركۈندى تېنىم. شاۋقۇندىن ھەم تىترىدى لېۋىم. قورقۇنچتىن بوشاپ كەتتى سۆڭەكلىرىم، غال-غال تىترەپ، دەلدەڭشىپ تۇرالماي قالدىم. كۈتەرمەن شۇندىمۇ سەۋرچانلىق بىلەن، بىزگە ھۇجۇم قىلغۇچىلارغا بالايىئاپەت كېلىدىغان كۈنگىچە. مەيلى مېۋە بەرمىسۇن ئەنجۈر دەرىخى، ياكى يوق بولسۇن تاللاردا ئۈزۈم، مەيلى مېۋە بەرمىسۇن زەيتۇن دەرىخى، ياكى بەرمىسۇن ئېتىزلار ھوسۇل، مەيلى يوقىلىپ كەتسۇن قوتاندىكى قويلار، ۋە ياكى يوقىلىپ كەتسۇن ئېغىلدىكى كالىلار، شادلىنارمەن يەنىلا پەرۋەردىگاردىن، خۇشاللىق تاپارمەن نىجاتكارىم خۇدادىن. كۈچ-قۇۋۋىتىمدۇر مېنىڭ ئىگەم پەرۋەردىگار. پۇتلىرىمنى قىلار ئۇ كېيىكنىڭكىدەك، ماڭالارمەن شۇندا مەن ئېگىز تاغلاردا. (تارلىق سازلار تەڭكىشىدە ئېيتىلسۇن دەپ، نەغمىچىلەر بېشىغا تاپشۇرۇلغان.) بۇ، زىفانىياغا پەرۋەردىگاردىن كەلگەن ۋەھىيدۇر. زىفانىيا كۇشىنىڭ ئوغلى، كۇش گىداليانىڭ ئوغلى، گىداليا ئاماريانىڭ ئوغلى، ئاماريا خىزكىيانىڭ ئوغلىدۇر. شۇ ۋاقىتتا ئاموننىڭ ئوغلى يوشىيا يەھۇدىيەگە پادىشاھ ئىدى. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن يەر يۈزىدىكى ھەممە نەرسىنى سۈپۈرۈپ تاشلايمەن. ئىنسانلارنى، ھايۋانلارنى، ئاسماندىكى قۇشلارنى، دېڭىزدىكى بېلىقلارنى ھالاك قىلىمەن. رەزىللەرنى يىقىتىمەن. يەر يۈزىدىن ئىنسانلارنى يوق قىلىمەن. بۇنى مەن پەرۋەردىگار جاكارلىدىم. مەن يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدا ياشاۋاتقانلارنى جازالاش ئۈچۈن قول كۆتۈرىمەن. ئىلاھ بائالغا چوقۇنىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى يوق قىلىمەن، بۇتپەرەس روھانىيلار ھېچكىمنىڭ ئېسىدە قالمايدۇ. ئۆگزىلەرگە چىقىۋېلىپ، كۈن، ئاي ۋە يۇلتۇزلارغا چوقۇنىدىغانلارنى، ماڭا سەجدە قىلىپ، مېنىڭ نامىمدا قەسەم قىلغان تۇرۇقلۇق يەنە ئىلاھ مولەكنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغانلارنى ھالاك قىلىمەن. مەندىن ۋاز كەچكەن، مېنى ئىزدىمىگەن، مەندىن مەسلىھەت سورىمىغانلارنى يوق قىلىمەن.» ئىگىمىز پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا جىم تۇرۇڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ سوراق كۈنى كېلىدىغانغا ئاز قالدى. ئۇ ئۆز خەلقىنى قۇربانلىققا تەييارلاپ، قۇربانلىق قىلغۇچىلارنى تاللىدى. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ماڭا قۇربانلىق قىلىنىدىغان كۈنى ئەمەلدارلارنى، خان جەمەتىدىكىلەرنى ۋە يات خەلقلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە بېرىلگەنلەرنى جازالايمەن. ئۇ كۈنى بۇتپەرەسلەرنىڭ ئادەتلىرىدەك بوسۇغا ئاتلىغانلارنى ۋە خوجايىنلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە زوراۋانلىق ۋە ئالدامچىلىق قىلغانلارنى جازالايمەن.» پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ كۈنى سىلەر بېلىق دەرۋازىسىدىن يىغا ئاۋازىنى، شەھەرنىڭ يېڭى مەھەللىسىدىن پەرياد ئاۋازىنى ۋە تاغلاردىن گۈلدۈرلىگەن ئاۋازنى ئاڭلايسىلەر. ئەي بازاردىكى خالايىق، پەرياد قىلىڭلار، چۈنكى پۈتۈن سودىگەرلەر ھالاك بولىدۇ، سېتىقچىلار يوقىتىلىدۇ. ئۇ چاغدا، مەن يېرۇسالېمنى چىراغ بىلەن يورۇتۇپ، تەكشۈرۈپ چىقىمەن. گۇناھقا پېتىپ ئولتۇرغان بىپەرۋا گۇناھكارلارنى، يەنى ‹خۇدا ياخشىلىقمۇ قىلمايدۇ، يامانلىقمۇ قىلمايدۇ› دېگۈچىلەرنى جازالايمەن. ئۇلارنىڭ مال-دۇنيالىرى بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچرايدۇ، ئۆيلىرى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇلىدۇ. ئۇلار ھېچقاچان ئۆزلىرى سالغان ئۆيلەردە ئولتۇرالمايدۇ. ئۇلارغا ئۆز ئۈزۈمزارلىقىدىن چىققان شارابنى ئىچىش نېسىپ بولمايدۇ.» پەرۋەردىگارنىڭ چوڭ سوراق كۈنىنىڭ كېلىشىگە ئاز قالدى، ئاز قالدى، ئۇ كۈن ناھايىتى تېزلا كېلىدۇ! ئۇ كۈلپەتلىك بىر كۈندۇر! ئۇ چاغدا ئەڭ باتۇر ئەزىمەتمۇ پەرياد قىلىدۇ! ئۇ غەزەپ، دەرد-ئەلەم كۈنىدۇر، خاراب بولىدىغان، ۋەيران بولىدىغان كۈندۇر، قاراڭغۇ زۇلمەت ۋە قارا بۇلۇتلار قاپلايدىغان كۈندۇر. ئۇ، بۇرغىلار چېلىنىپ، چۇقان-سۈرەنلەر سېلىنىپ، مۇستەھكەم شەھەرلەر ۋە ئېگىز مۇنارلارغا ھۇجۇم قىلىنىدىغان كۈندۇر. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئىنسانلارغا بالايىئاپەت ئەكېلىپ، ئۇلارنى ئەمالاردەك تىمىسقىلاپ ماڭدۇرىمەن. چۈنكى ئۇلار ماڭا قارشى گۇناھ قىلدى. ئۇلارنىڭ قانلىرى يۇندىدەك تۆكۈلۈپ، جەسەتلىرى چىرىتىلىپ تاشلىنىدۇ.» پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى كەلگەن كۈنى ئالتۇن-كۈمۈشلىرىمۇ ئۇلارنى قۇتقۇزالمايدۇ. ئۇنىڭ رەشك ئوتى پۈتۈن زېمىننى كۆيدۈرۈپ، يەر يۈزىدىكى ھەممە ئىنسانلارنى دەھشەتلىك ھالدا ھالاك قىلىدۇ. ئەي نومۇسسىز خەلق، ئۇيقۇڭنى ئاچ! ۋاقتىڭلار ساماندەك توزۇپ، بەلگىلەنگەن ۋاقىت يېتىپ كەلمەستە، پەرۋەردىگارنىڭ غەزەپ ئوتى يانماستا، ئۇنىڭ قەھر-غەزەپ كۈنى يېتىپ كەلمەستە ئۇيقۇڭنى ئاچ! ئەي، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىگە كەمتەرلىك بىلەن قۇلاق سالغۇچىلار، پەرۋەردىگارنى ئىزدەڭلار! ئادالەتنى قوغلىشىپ، كەمتەر بولۇڭلار. پەرۋەردىگارنىڭ سوراق كۈنىدە بەلكىم سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىدىن قوغدىلىپ قالىسىلەر. گازا شەھىرىدە ھېچكىم قالمايدۇ، ئاشقىلون قاقاسلىشىپ كېتىدۇ. ئاشدودلۇقلار چۈشكىچە قوغلاپ چىقىرىلىدۇ. ئەقرون ئاھالىلىرىمۇ شەھەردىن يىلتىزى بىلەن قومۇرۇپ تاشلىنىدۇ. ئەي دېڭىز بويىدىكى كىرېتلەر، ھالىڭلارغا ۋاي! ئەي كەنئاندا تۇرىدىغان فىلىستىيەلىكلەر، پەرۋەردىگار سىلەر قارشى مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىلەرنى ۋەيران قىلىمەن، بىرىڭلارنىمۇ قويماي يوق قىلىمەن.» دېڭىز بويىدىكى جايىڭلار باياۋانغا ئايلىنىپ، پەقەت مالچىلارنىڭ كەپىلىرى بىلەن قوي قوتانلىرىلا قالىدۇ. يەر-زېمىنلىرىڭلارنى ئامان قالغان يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر ئىگىلەيدۇ. ئۇلار ئۇ يەرلەردە قوي بېقىپ، ئاشقىلوندىكى ئۆيلەردە كېچىسى ياتىدۇ. پەرۋەردىگار خۇدا ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، ئىلگىرىكى پاراۋان ھاياتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. موئاب ۋە ئاممونلار تەكەببۇرلىشىپ، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىنى مەسخىرە قىلىپ، ھاقارەتلىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار جازاسىنى يەيدۇ. پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئالاقزادە قىلىۋېتىدۇ. ئۇ، دۇنيادىكى ساختا ئىلاھلارنى يوقىتىدۇ. ئاندىن دۇنيادىكى ھەربىر خەلق ئۆز تۇپرىقىدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدۇ. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي كۇشلار ، سىلەرمۇ ئۇرۇشتا ئۆلىسىلەر.» پەرۋەردىگار شىمالدىكى ئاسسۇرىيەگە قارشى قول كۆتۈرۈپ، نىنەۋى شەھىرىنى قاقاس چۆل-باياۋانغا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ. ئۇ يەر كالا، قوي، ۋە ھەر خىل ھايۋانلارنىڭ ماكانى بولۇپ قالىدۇ. خارابىلىكلەردىكى تۈۋرۈكلەرنى ھۇۋقۇشلار ماكان قىلىپ، دېرىزىلىرىدە ھۇۋلىشىدۇ. قاغىلار بوسۇغىلاردا قاقىلدىشىدۇ. ئىمارەتلەرنىڭ كېدىر ياغاچلىرى قومۇرۇلۇپ كېتىدۇ. بۇ شەھەرنىڭ ئاقىۋىتى مانا مۇشۇنداق بولىدۇ. بۇ شەھەر: «مەن بۈيۈك شەھەردۇرمەن، مېنىڭ تەڭدىشىم يوقتۇر» دەپ، ماختىنىپ، ئۆزىنى خاتىرجەم ھېس قىلىشىدۇ، بىراق ئۇ قاقاسلىشىپ، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ماكانىغا ئايلىنىدۇ. ئۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر قوللىرىنى شىلتىشىپ، مەسخىرە قىلىشىدۇ. ئاسىيلىققا، چىرىكلىككە ۋە زۇلۇمغا تولغان يېرۇسالېمنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇ ھېچكىمگە بويسۇنمىدى. ھېچكىمنىڭ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلمىدى. ئۇ پەرۋەردىگارغا تايانمىدى، خۇداغا يېقىنلاشمىدى. ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ھۆركىرىگەن شىرلارغا ئوخشايدۇ؛ سوراقچىلىرى بىر تال سۆڭەكنىمۇ ئەتىگە قالدۇرمايدىغان ئاچ بۆرىلەردەكتۇر. پەيغەمبەرلىرى تەكەببۇر، ھىيلىگەردۇر. روھانىيلىرى ئىبادەتخانىنى بۇلغاپ، خۇدانىڭ قانۇنىنى دەپسەندە قىلىدۇ. پەرۋەردىگار يەنىلا ئادالەتلىكتۇر، يېرۇسالېم بىلەن بىللىدۇر. ئۇ ئادالەتسىز ئىشلارنى ھەرگىز قىلمايدۇ. ھەر كۈنى ھەقىقەتنى ئۈزۈپ قويماي نامايان قىلسىمۇ، لېكىن ئادالەتسىزلەر نومۇس قىلمايدۇ. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «يات خەلقلەرنى يوقاتتىم، ئۇلارنىڭ شەھەر ۋە سېپىل مۇنارلىرىنى گۇمران قىلدىم. ئۇ يەردىن ھېچكىم ئۆتمەيدىغان بولدى. ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنى خارابىگە ئايلاندۇردۇم. كوچىلىرىنى چۆللەشتۈرۈپ، ھېچكىمنى قالدۇرمىدىم. ئۇ چاغدا ‹خەلقىم چوقۇم مەندىن ئەيمىنىپ، تەربىيەمنى قوبۇل قىلىدۇ. شۇنداق بولغاندا، بېكىتكىنىم بويىچە ئۇلارنىڭ تۇرالغۇلىرىنى ۋەيران قىلىشىمنىڭ زۆرۈرىيىتى قالمايدۇ› دەپ ئويلىغانىدىم. لېكىن ئۇلار يامان ئىشلارغا تېخىمۇ مەپتۇن بولۇپ قالدى.» پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەمدى مېنى كۈتۈڭلار، مېنىڭ سوراق كۈنۈمنى كۈتۈڭلار! مەن ھەممە ئەللەر ۋە خەلقلەرنى يىغىپ، ئۇلارغا قەھر-غەزىپىمنى چېچىش قارارىغا كەلدىم. پۈتۈن دۇنيا غەزەپ ئوتۇم بىلەن ۋەيران قىلىنىدۇ.» «كېيىن، پۈتۈن خەلقلەرنىڭ ماڭا بىر نىيەتتە ئىبادەت قىلىپ، بىرلىكتە خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىنى پاكلايمەن. تارقىتىۋېتىلگەن خەلقىم كۇش دەريالىرىنىڭ قارشى قىرغاقلىرىدىن كېلىپ، ماڭا ھەدىيە تەقدىم قىلىدۇ. ئەي خەلقىم، ئۇ چاغدا سىلەرنىڭ مەندىن يۈز ئۆرۈگىنىڭلار ئۈچۈن نومۇس قىلىشىڭلارنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. چۈنكى مەن ئىچىڭلاردىكى تەكەببۇر ۋە ھاكاۋۇرلارنى يوقىتىمەن. سىلەر مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمدا قايتا كىبىرلىك قىلمايسىلەر. مەن ئىچىڭلاردىكى كەمتەر ۋە پېقىر كىشىلەرنى قالدۇرىمەن. ئۇلار مېنىڭ نامىمدىن پاناھلىق ئىزدەيدۇ. ھايات قالغان ئىسرائىللار يامان ئىشلارنى قىلمايدۇ، يالغان سۆزلىمەيدۇ، ئالدامچىلىق قىلمايدۇ. ئۇلار يەپ-ئىچىپ خاتىرجەم ياشايدۇ، ھېچكىم ئۇلارنى قورقۇتمايدۇ.» ئەي سىئون قىزى ، تەنتەنە قىل، ئەي ئىسرائىل، چۇقان سال! ئەي يېرۇسالېم قىزى، خۇشاللىققا چۆم! پەرۋەردىگار سېنى جازالاشتىن ياندى! ئۇ سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى قوغلاپ چىقاردى. پەرۋەردىگار _ ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى سەن بىلەن بىللىدۇر، سېنىڭ ئەمدى بالا-قازادىن قورقۇشۇڭ بىھاجەتتۇر. شۇ كۈنى يېرۇسالېمغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئەي سىئون، قورقما! قوللىرىڭ بوشىشىپ كەتمىسۇن، پەرۋەردىگارىڭ خۇدا سەن بىلەن بىللىدۇر، ئۇ قۇدرەتلىك قۇتقۇزغۇچىدۇر. ئۇ سەندىن خۇشال بولۇپ، تەنتەنە قىلىدۇ. ئۇ مۇھەببىتى بىلەن ساڭا تەسەللى بېرىدۇ. ئۇ سەندىن شادلىنىپ، ناخشا ئېيتىدۇ.» پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ھېيت قىلالمىغانلىقىڭلاردىن مەيۈسلەنگەنىدىڭلار، سىلەرنى ئەمدى يىغىپ، نومۇستا قالدۇرمايمەن. شۇ چاغدا مەن سىلەرگە زۇلۇم سالغانلارنىڭ ھەممىسىنى جازالايمەن. ئاجىزلارنى قۇتقۇزۇپ، سۈرگۈندىكىلەرنى يىغىمەن. ئۇلارنىڭ نومۇسىنى شەرەپكە ئايلاندۇرۇپ، نامىنى پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىمەن. ئۇ چاغدا مەن سىلەرنى يىغىپ، يۇرتۇڭلارغا ئاپىرىمەن. ئۇنىڭدىن كېيىن، داڭقىڭلارنى پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىمەن. سىلەرنى قايتا گۈللەندۈرۈپ، مەدھىيە ۋە شان-شەرەپكە سازاۋەر قىلىمەن.» دارىئوس پادىشاھ ھاكىمىيەت تۇتقان 2-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى ، پەرۋەردىگاردىن ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق شىئالتېلنىڭ ئوغلى _ يەھۇدىيەنىڭ باشلىقى زىرۇببابەلگە ۋە يوزاداقنىڭ ئوغلى باش روھانىي يېشۇۋاغا ۋەھىي كەلدى. قۇدرەت ئىگىسى پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇكى: «بۇ خەلق پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن قۇرۇشنىڭ ۋاقىت-سائىتى تېخى يېتىپ كەلمىدى، دەپ يۈرىدۇ.» پەرۋەردىگاردىن ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق يەنە بىر ۋەھىي كەلدى: «ھازىر ئىبادەتخانام خارابىلىقتا تۇرۇۋاتسا، سىلەرنىڭ ھەشەمەتلىك ئۆيلەردە ئولتۇرىدىغان ۋاقتىڭلارمۇ؟ سىلەر قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى ئويلاپ بېقىڭلار! سىلەر كۆپ تېرىغان بولساڭلارمۇ، بىراق ئالغان ھوسۇلۇڭلار ئاز بولدى. سىلەر غىزالىنىسىلەر، لېكىن پەقەت تويمايسىلەر. سۇ ئىچىسىلەر، لېكىن يەنىلا ئۇسساپ تۇرىسىلەر. كىيىم كىيىسىلەر، لېكىن پەقەت ئىسسىمايسىلەر. سىلەرنىڭ ئىش ھەققىڭلار خۇددى تۆشۈك ھەميانغا سالغان پۇلدەك يوقاپ كېتىدۇ. سىلەر مول ھوسۇل ئېلىشنى ئۈمىد قىلغانىدىڭلار، بىراق ھوسۇل ئاز چىقتى. ھوسۇلنى ئۆيگە ئېلىپ كەلگىنىڭلاردا، مەن يەنە بەرىكىتىنى ئۇچۇرۇۋەتتىم. نېمە ئۈچۈن؟ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى: چۈنكى سىلەر ئۆز ئۆيۈڭلارنى ياساش بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، مېنىڭ ئىبادەتخانام تېخىچە خارابلىقتا تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا شىئالتېلنىڭ ئوغلى زىرۇببابەل، يوزاداقنىڭ ئوغلى باش روھانىي يېشۇۋا ۋە سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن بارلىق خەلق، پەرۋەردىگار، يەنى ئۇلار ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدادىن كەلگەن بۇ ۋەھىيگە ئەمەل قىلدى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق قىلغان سۆزىنى ئاڭلىغاندا، پەرۋەردىگاردىن قورقۇشقا باشلىدى. پەرۋەردىگارنىڭ خەۋەرچىسى ھاگاي پەيغەمبەر خەلققە يەنە بۇ ۋەھىينى يەتكۈزۈپ مۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: ‹مەن سىلەرگە يار بولىمەن!›» شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار، شىئالتېلنىڭ ئوغلى _ يەھۇدىيەنىڭ باشلىقى زىرۇببابەل، يوزاداقنىڭ ئوغلى باش روھانىي يېشۇۋا ۋە بارلىق خەلقنىڭ روھىنى ئۇرغۇتتى. ئۇلار ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشنى باشلىۋەتتى. بۇ ۋەقە دارىئوس پادىشاھ ھاكىمىيەت تۇتقان 2-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى بولدى. شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى پەرۋەردىگاردىن ھاگاي پەيغەمبەرگە يەنە ۋەھىي كەلدى: «شىئالتېلنىڭ ئوغلى _ يەھۇدىيەنىڭ باشلىقى زىرۇببابەلگە، يوزاداقنىڭ ئوغلى باش روھانىي يېشۇۋا ۋە سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن بارلىق خەلققە بۇ سۆزۈمنى يەتكۈزگىن: ‹بۇ ئىبادەتخانىنىڭ بۇرۇنقى ھەشەمەتلىك كۆرۈنۈشى كىمنىڭ ئېسىدە بار؟ ھازىر سىلەر قاراپ بېقىڭلار! بۇ ئىبادەتخانىنىڭ سىياقى قانداق بولۇپ قالغان؟ ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ھالىتىدىن قىلچە ئەسەر قالمىغانغۇ؟ پەرۋەردىگار يەنە شۇنداق دەيدۇكى: ئەي، زىرۇببابەل جاسارەتلىك بول! ئەي، يوزاداقنىڭ ئوغلى باش روھانىي يېشۇۋا جاسارەتلىك بول! شۇ يەردىكى بارلىق خەلق، سىلەرمۇ جاسارەتلىك بولۇڭلار! ھازىرلا ئىشقا كىرىشىڭلار. مەنكى، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىلەرگە يار بولىمەن، بۇ مېنىڭ ۋەدەم! سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار مىسىردىن چىققاندا، مەن ھەرقاچان ئۇلارغا يار بولۇشقا ۋەدە بەرگەن. ھازىرمۇ مېنىڭ روھىم سىلەرگە ياردۇر، قورقماڭلار! قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇكى: مەن ئاز ۋاقىتتىن كېيىن يەنە ئاسمان-زېمىن، دېڭىز-ئوكيان ۋە قۇرۇقلۇقنى زىلزىلىگە كەلتۈرىمەن. مەن پۈتكۈل ئەللەرنى زىلزىلىگە كەلتۈرىمەن، ئۇلارنىڭ مال-دۇنياسى بۇ ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كېلىنىدۇ. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يەنە شۇنداق دەيدۇكى: بۇ مال-دۇنيا بىلەن ئىبادەتخانىنى شان-شەرەپكە تولدۇرىمەن. كۈمۈش مېنىڭكىدۇر، ئالتۇنمۇ مېنىڭكىدۇر، بۇ ئىبادەتخانىنىڭ كەلگۈسى بۇرۇنقىدىنمۇ پارلاق بولىدۇ. مەن بۇ يەردە ئۇلارغا تىنچ-ئامانلىقنى ئاتا قىلىمەن! بۇ مېنىڭ سۆزلىرىمدۇر!›» دارىئوس پادىشاھ ھاكىمىيەت تۇتقان 2-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى ، پەرۋەردىگاردىن ھاگاي پەيغەمبەرگە ۋەھىي كەلدى: قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇكى: «سەن روھانىيلاردىن تەۋرات قانۇنلىرى توغرىسىدا مۇنداق سوئال سورىغىن: ئەگەر بىرسى مۇقەددەس قۇربانلىق گۆشتىن بىر پارچىنى پېشىگە ئوراپ ئېلىپ كېتىۋاتقاندا، ئۇنىڭ پېشى نانغا، تائامغا، شارابقا، زەيتۇن يېغىغا ياكى ھەرقانداق بىر يېمەكلىككە تېگىپ كەتسە، بۇ يېمەكلىكلەرمۇ مۇقەددەس بولامدۇ؟» ھاگاي پەيغەمبەر روھانىيلاردىن جاۋابىنى سورىغانىدى، ئۇلار «ياق» دەپ جاۋاب بېرىشتى. ھاگاي پەيغەمبەر يەنە روھانىيلاردىن: _ ئەگەر جەسەتنى تۇتۇش بىلەن ناپاك بولۇپ قالغان بىرسى، بۇنداق يېمەكلىكلەرنىڭ بىرەرىگە تېگىپ كەتسە، ئۇ بۇ يېمەكلىكلەرنى ناپاك قىلغان بولامدۇ؟ _ دەپ سورىدى. روھانىيلار: _ ھەئە، ناپاك بولىدۇ، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى. ھاگاي پەيغەمبەر سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار دەيدۇكى: «مېنىڭ نەزىرىمدە بۇ خەلق ناپاكتۇر. ئۇلارنىڭ قوللىرى تەگكەن ھەرقانداق ئىش، ماڭا سۇنۇلغان بارلىق قۇربانلىقلىرىمۇ ناپاكتۇر! سىلەر ھازىردىن باشلاپ ئىبادەتخانامنىڭ ئۇلىنى قويۇشتىن بۇرۇنقى ئۆتمۈشنى ئويلاپ بېقىڭلار! بۇرۇنقى ئەھۋالىڭلار قانداق ئىدى؟ كىشىلەر بىر دۆۋە ئاشلىقنىڭ 20 تاغار چىقىشىنى ئۈمىد قىلاتتى، لېكىن ئۇ پەقەت 10 تاغارلا چىقاتتى. بىر كۈب شارابنىڭ 50 كوزا چىقىشىنى ئۈمىد قىلاتتى، بىراق 20 كوزىلا چىقاتتى. مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، مەن زىرائەتلىرىڭلارنى قۇرۇتۇۋېتىش ئۈچۈن ئىسسىق شامال چىقاردىم. ئۇلارنى سېسىتىۋېتىش ئۈچۈن نەملىك چۈشۈردۈم. مەن زىرائەتلىرىڭلارغا مۆلدۈر ياغدۇردۇم. شۇنداق تۇرۇقلۇق، سىلەر مېنىڭ يولۇمغا قايتىپ كېلىشنى رەت قىلدىڭلار. بۈگۈن 9-ئاينىڭ 24-كۈنى ، يەنى ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلىنى پۈتتۈرگەن كۈندىن باشلاپ ئويلاپ بېقىڭلار. ئامباردا ئۇرۇق قالدىمۇ؟ قالمىدى. ئۈزۈم، ئەنجۈر، ئانار ۋە زەيتۇن دەرەخلىرىنىڭ ھېچقايسىسى مېۋە بەرمىدى. ئەمدى مەن بۈگۈندىن باشلاپ سىلەرگە بەرىكەت ياغدۇرىمەن!» شۇ كۈنى، يەنى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى پەرۋەردىگاردىن ھاگايغا ئىككىنچى قېتىم ۋەھىي كەلدى: «سەن يەھۇدىيەنىڭ باشلىقى زىرۇببابەلگە ئېيتقىن: مەن ئاسمان-زېمىننى زىلزىلىگە كەلتۈرۈش ئالدىدا تۇرىمەن. مەن پادىشاھلىقلارنىڭ تاج-تەختىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ھەم ئۇلارنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى ۋەيران قىلىش ئالدىدا تۇرىمەن. مەن ئۇلارنىڭ جەڭ ھارۋىلىرىنى ۋە ھارۋىلاردىكى لەشكەرلەرنى يەر بىلەن يەكسان قىلىمەن. ئاتلىق چەۋەندازلار ئاتلىرى بىلەن يىقىلىدۇ. ئۇلار ئۆزئارا قىرغىن قىلىشىدۇ. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يەنە شۇنداق دەيدۇكى: بۇ ئىشلار يۈز بەرگەن كۈندە، مەن سېنى _ شىئالتېلنىڭ ئوغلى خىزمەتكارىم زىرۇببابەلنى كۆككە كۆتۈرىمەن. مەن سېنى مۆھۈرلۈك ئۈزۈك قىلىمەن. چۈنكى مەن سېنى تاللىغانمەن! بۇ مېنىڭ _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!» پېرسىيە پادىشاھى دارىئوسنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 2-يىلىنىڭ 8-ئېيىدا ، پەرۋەردىگاردىن بەرەكيانىڭ ئوغلى، ئىددونىڭ نەۋرىسى بولغان زىكىرىيا پەيغەمبەرگە ۋەھىي كەلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ مەن پەرۋەردىگار ئىلگىرى ئەجدادلىرىڭلارغا قاتتىق غەزەپلەنگەنىدىم. شۇڭا سەن خەلققە مۇنداق دېگىن: «مەنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەنكى، سىلەر مېنىڭ يولۇمغا قايتىپ كېلىڭلار، مەنمۇ سىلەرگە قايتاي. سىلەر ئەجدادلىرىڭلارنىڭ جاھىللىقىنى دورىماڭلار. بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا مېنىڭ: ‹يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، رەزىل ئىشلاردىن قول ئۈزۈڭلار!› دېگەن سۆزلىرىمنى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار سۆزۈمگە قۇلاق سالمىدى ھەم ماڭا ئىتائەت قىلمىدى. قېنى ئاشۇ ئەجدادلىرىڭلار، قېنى ئاشۇ پەيغەمبەرلەر، ئۇلار مەڭگۈ ياشىدىمۇ؟ لېكىن مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئېيتقان سۆزلىرىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم ئەمەلگە ئېشىپ، ئەجدادلىرىڭلارنىڭ بېشىغا كەلمىدىمۇ؟! نەتىجىدە ئۇلار توۋا قىلىشىپ: ‹قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭغان يوللىرىمىزغا ۋە قىلغان قىلمىشلىرىمىزغا تېگىشلىك جازايىمىزنى بېرىپ، ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى› دەپ ئېتىراپ قىلىشتى.» دارىئوس پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 2-يىلىنىڭ 11-ئېيىدا، بەرەكيانىڭ ئوغلى، ئىددونىڭ نەۋرىسى بولغان مەنكى پەيغەمبەر زىكىرىياغا پەرۋەردىگاردىن يەنە بىر بېشارەت كەلدى. مەن بۇ بېشارەتنى كېچىدە غايىبانە ئالامەتتە كۆردۈم. بىرسى تورۇق ئاتقا مىنىپ، جىلغىدىكى مىرتا دەرەخلىرىنىڭ ئارىسىدا تۇراتتى. ئۇنىڭ كەينىدە تورۇق ئات، قوڭۇر ئات ۋە ئاق ئاتقا مىنگەنلەر تۇراتتى. مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان بىر پەرىشتە بار ئىدى. مەن ئۇنىڭدىن: _ تەقسىر، بۇلار كىم بولىدۇ؟ _ دەپ سورىدىم. ئۇ: _ ئۇلارنىڭ كىملىكىنى ساڭا كۆرسىتىپ قويىمەن، _ دېدى. ئۇ ۋاقىتتا مىرتا دەرەخلىرىنىڭ ئارىسىدا تۇرغۇچى جاۋاب بېرىپ: _ ئارقامدىكىلەر پەرۋەردىگار دۇنيانى چارلاشقا ئەۋەتكەنلەردۇر، _ دېدى. چارلاشقا بارغانلار مىرتا دەرەخلىرىنىڭ ئارىسىدا تۇرغان پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىگە: _ بىز دۇنيانى چارلاپ چىقتۇق. پۈتۈن دۇنيا تىنچ ۋە جىمجىت ئىكەن، _ دەپ مەلۇمات بېرىشتى. ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى: _ ئى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، سەن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىگە غەزەپلەنگىلى يەتمىش يىل بولدى. قاچانغىچە ئۇلارغا رەھىم-شەپقەت قىلمايسەن؟ _ دېدى. شۇندا پەرۋەردىگار مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىگە مېھىرلىك سۆزلەر بىلەن تەسەللى بەردى. مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە ماڭا مۇنداق دېدى: _ سەن خەلققە شۇنداق دەپ جاكارلىغىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار دەيدۇكى، يېرۇسالېمغا، جۈملىدىن سىئون تېغىغا ئىچىم قاتتىق ئاغرىيدۇ. مېنىڭ راھەت-پاراغەتتە ياشاۋاتقان ھاكاۋۇر ئەللەرگە قاتتىق غەزىپىم بار. چۈنكى مەن خەلقىمگە ئازراققىنە غەزەپلىنىپ قويسام، ئۇ ئەللەر خەلقىمگە ھەددىدىن زىيادە كۆپ كۈلپەتلەرنى كەلتۈردى. شۇڭا مەن يېرۇسالېمغا رەھىم-شەپقەت كۆرىسىتىش ئۈچۈن قايتىپ كەلدىم. يېرۇسالېمدا ئىبادەتخانام قايتا قۇرۇلىدۇ. يېرۇسالېم قايتىدىن قۇرۇلۇش ئۈچۈن ئۆلچەپ چىقىلىدۇ.» سەن يەنە مۇنداق جاكارلىغىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مېنىڭ شەھەرلىرىم قايتا گۈللىنىدۇ. مەن سىئونغا تەسەللى بېرىپ، يېرۇسالېمنى قايتىدىن تاللايمەن.›» مەن يەنە يۇقىرىغا قاراپ، تۆت مۈڭگۈزنى كۆردۈم. مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىدىن: _ بۇلار نېمىنىڭ بېشارىتى؟ _ دەپ سورىدىم. ئۇ ماڭا: _ بۇ مۈڭگۈزلەر يەھۇدىيە، ئىسرائىلىيە، جۈملىدىن يېرۇسالېمنىڭ خەلقىنى تەرەپ-تەرەپكە چېچىۋەتكەن كۈچلۈك ئەللەردۇر، _ دەپ جاۋاب بەردى. پەرۋەردىگار يەنە ماڭا تۆت تۆمۈرچىنى كۆرسەتتى. مەن پەرىشتىدىن: _ بۇ تۆمۈرچىلەر نېمە ئىش قىلىشقا كەلدى؟ _ دەپ سورىدىم. ئۇ: _ مۈڭگۈزلەر يەھۇدىيە خەلقىنى تەرەپ-تەرەپكە چېچىۋەتكەن ۋە ئۇلارنى ئەزگەن ئەللەر بولسا، تۆمۈرچىلەر خەلقىنى ھۇجۇم قىلىپ، تەرەپ-تەرەپكە چېچىۋەتكەن ئاشۇ مۈڭگۈزلەرنى ئالاقزادە قىلىپ، يەر بىلەن يەكسان قىلىدىغانلاردۇر، _ دەپ جاۋاب بەردى. مەن يەنە قارىدىم ۋە قولىدا ئۆلچەم تانىسى تۇتۇپ كېتىۋاتقان بىر يىگىتنى كۆردۈم. مەن ئۇ يىگىتتىن: _ نەگە كېتىۋاتىسىز؟ _ دەپ سورىدىم. ئۇ: _ يېرۇسالېمغا، شەھەرنى ئۆلچەشكە، شەھەرنىڭ كەڭلىكى ۋە ئۇزۇنلۇقىنى بىلىشكە كېتىۋاتىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى. ئاندىن مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقان يەنە بىر پەرىشتىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشتى. كەلگەن پەرىشتە مۇنداق دېدى: _ تېز بول! ئاۋۇ كېتىۋاتقان ياش يىگىتكە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «ئادەم ۋە چارۋا ماللارنىڭ كۆپلىكىدىن يېرۇسالېم شەھىرىگە سىغماي قالىدۇ، سېپىللار بولمايدۇ. پەرۋەردىگار دەيدۇكى، مەن ئۆزۈم يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدا ئوت سېپىلى، ئىچىدە شان-شەرىپى بولىمەن!» «تېز بولۇڭلار، مەن سىلەرنى دۇنيانىڭ تۆت بۇلۇڭىغا چېچىۋەتكەنىدىم، ئەمدى شىمالدىكى بابىلدىن قېچىپ چىقىڭلار! ئەي بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغان سىئون خەلقى، تىز بولۇڭلار، قېچىڭلار!» دەيدۇ پەرۋەردىگار. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىنىڭ ئايان بولۇشى ئۈچۈن، سىلەرنى تالان-تاراج قىلغان ئەللەرگە قارشى مېنى ئەۋەتتى. سىلەرگە چېقىلغانلىق خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ كۆز قارىچۇقىغا چېقىلغانلىقتۇر. پەرۋەردىگار: «كۆرۈپ تۇرۇڭلار، مەن بۇ ئەللەرگە قارشى مۇشتۇمنى كۆتۈرىمەن. ئۇلارنىڭ قۇللىرى ئۆزلىرىنى تالان-تاراج قىلىدۇ.» دەيدۇ. شۇ چاغدا سىلەر قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىنى بىلىسىلەر. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي سىئون قىزى ، چۇقان سېلىڭلار، تەنتەنە قىلىڭلار! چۈنكى مەن كېلىپ ئاراڭلاردا ياشايمەن. ئۇ كۈنلەردە نۇرغۇنلىغان خەلقلەر مەن پەرۋەردىگارغا باغلىنىپ، مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ. مەن ئۆزۈم سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ياشايمەن. ئەنە شۇ چاغدا، مەنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ زىكىرىيانى سىلەرگە ئەۋەتكەنلىكىمنى بىلىسىلەر. مەن يەھۇدىيەنى مۇقەددەس زېمىندىكى مۈلكۈم قىلىمەن ۋە يېرۇسالېمنى قايتا شەھىرىم قىلىپ تاللايمەن. ئەي ئىنسانلار، مېنىڭ ئالدىمدا سۈكۈتتە تۇرۇڭلار! چۈنكى مەن مۇقەددەس ماكانىمدىن قوزغىلىپ كەلمەكتىمەن.» ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا باش روھانىي يوشۇۋانىڭ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆرسەتتى. شەيتان يوشۇۋانىڭ ئوڭ تەرىپىدە تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىۋاتاتتى. بۇ چاغدا پەرۋەردىگار شەيتانغا: _ ئەي شەيتان، سېنىڭ شىكايىتىڭنى رەت قىلىمەن! مەن، يەنى يېرۇسالېمنى تاللىغان پەرۋەردىگار سېنىڭ شىكايىتىڭنى رەت قىلىمەن! بۇ ئادەم خۇددى ئوتتىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان چۇچىلىغا ئوخشىمامدۇ؟ _ دېدى. يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئالدىدا مەينەت كىيىملەر بىلەن تۇراتتى. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۆزىنىڭ ئالدىدا تۇرغانلارغا: _ ئۇنىڭ مەينەت كىيىملىرىنى سالدۇرۇۋېتىڭلار! _ دېدى. ئاندىن يوشۇۋاغا: _ قارا، مەن سېنىڭ گۇناھىڭنى كۆتۈرۈۋەتتىم، ئەمدى ساڭا بايراملىق كىيىملەرنى كىيدۈرىمەن، — دېدى. مەن ئېغىز ئېچىپ: _ ئۇلار يەنە يوشۇۋانىڭ بېشىغا پاكىز سەللە ئوراپ قويسۇن، _ دېدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يوشۇۋانىڭ بېشىغا پاكىز سەللە، ئۇچىسىغا يېڭى كىيىملەرنى كىيدۈردى. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭ يېنىدا تۇراتتى. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يوشۇۋاغا كەسكىن قىلىپ، مۇنداق دېدى: _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سەن مېنىڭ يولۇمدا مېڭىپ، مەن ساڭا تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلساڭ، ئىبادەتخانامنى ۋە ئۇنىڭ ھويلىلىرىنى باشقۇرىسەن. سېنىڭ بۇ يەردە تۇرغان پەرىشتىلەرنىڭ ئارىسىدا بولۇشۇڭغا ئىجازەت بېرىمەن. ئەي باش روھانىي يوشۇۋا ۋە سەن بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغانلار، قۇلاق سېلىڭلار. سىلەر يۈز بەرمەكچى بولغان ئىشلارنىڭ بېشارىتىدۇرسىلەر. مەن ‹نوتا› دەپ ئاتالغان خىزمەتكارىمنى ئەۋەتىمەن. قاراڭلار، مەن يوشۇۋانىڭ ئالدىغا بىر تاش قويدۇم، ئۇنىڭ يەتتە يۈزى بار. مەن ئۇنىڭ ئۈستىگە خەتلەرنى ئويۇپ، بۇ زېمىندىكى بارلىق گۇناھلارنى بىر كۈندىلا كۆتۈرۈۋېتىمەن. ئاشۇ كۈنى، ھەربىرىڭلار قېرىنداشلىرىڭلارنى چاقىرىپ، ئۆزۈڭلارنىڭ ئۈزۈم بارىڭى ۋە ئەنجۈر دەرىخىڭلارنىڭ ئاستىدا خاتىرجەم ئولتۇرىسىلەر. بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.» مەن بىلەن سۆزلەشكەن ئاشۇ پەرىشتە قايتىپ كېلىپ، خۇددى مۈگدەپ قالغان ئادەمنى نوقۇپ سەگەكلەشتۈرگەندەك، مېنى نوقۇپ سەگەكلەشتۈردى. ئۇ مەندىن: _ نېمىنى كۆردۈڭ؟ _ دەپ سورىدى. مەن: _ مەن ساپ ئالتۇندىن ياسالغان بىر چىراغداننى كۆردۈم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قاچا قويۇپ قويۇلغان بولۇپ، قاچىنىڭ گىرۋەكلىرىدە يەتتە دانە چىراغ، ھەر بىر چىراغدا يەتتە تالدىن پىلىك بار ئىدى. چىراغداننىڭ يېنىدا يەنە ئىككى تۈپ زەيتۇن دەرىخى بار ئىدى. ئۇلار قاچىنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرەپلىرىدە ئىدى، _ دېدىم ۋە مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىدىن: _ تەقسىر، بۇلار نېمىنىڭ بېشارىتى؟ _ دەپ سورىدىم. ئۇ: _ بۇلارنىڭ نېمىنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟ _ دەپ ياندۇرۇپ سورىدى. مەن: _ ياق تەقسىر، _ دەپ جاۋاب بەردىم. ئاندىن ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار زىرۇببابەلگە مۇنداق دەيدۇ: «قۇدرىتىڭلار ياكى كۈچۈڭلار بىلەن ئەمەس، بەلكى مېنىڭ روھىم بىلەن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىسىلەر. بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. ئەي تاغدەك چوڭ توسالغۇ، سەن زىرۇببابەلنىڭ ئالدىدا نېمە ئىدىڭ؟ سەن زىرۇببابەلنىڭ ئالدىدا تۈزلەڭلىكتەك تۈزلىنىپ كېتىسەن. زىرۇببابەل ئىبادەتخانىغا ئەڭ ئاخىرقى تاشنى قويغاندا، خەلق: ‹خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى مۇشۇ ئىبادەتخانىغا يار بولغاي!› دەپ چۇقان سېلىشىدۇ.» پەرۋەردىگار يەنە ماڭا مۇنداق دېدى: _ زىرۇببابەل ئۆز قولى بىلەن ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلىنى سالدى، ئۇنىڭ قولى بۇ قۇرۇلۇشنى چوقۇم تاماملايدۇ. شۇندىلا، ئۇ مەنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سېنى خەلققە ئەۋەتكەنلىكىمنى بىلىپ قالىدۇ. قۇرۇلۇشنىڭ باشلىنىشىنى كىچىك ئىش دەپ كۆزگە ئىلمىغانلار ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان زىرۇببابەلنىڭ قولىدىكى تامنىڭ تۈزلۈكىنى تەكشۈرىدىغان تانىنى كۆرگەندە خۇشاللىققا چۆمىدۇ. (يەتتە دانە چىراغ پەرۋەردىگارنىڭ پۈتۈن زېمىننى كۈزىتىپ تۇرىدىغان يەتتە كۆزىدۇر.) پەرىشتىدىن: _ چىراغداننىڭ ئوڭ-سول تەرەپلىرىدىكى بۇ ئىككى زەيتۇن دەرىخى نېمىنىڭ بېشارىتى؟ _ دەپ سورىدىم ۋە ئۇنىڭدىن يەنە _ ئالتۇن رەڭلىك زەيتۇن يېغى ئېقىپ چۈشۈۋاتقان ئىككى دانە ئالتۇن نوكەشنىڭ يېنىدىكى ئىككى دانە زەيتۇن شېخى نېمىنىڭ بېشارىتى؟ _ دەپ سورىدىم. ئۇ مەندىن: _ بۇلارنىڭ نېمىنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟ _ دەپ سورىدى. مەن: _ ياق تەقسىر، _ دەپ جاۋاب بەردىم. ئۇ ماڭا: _ بۇ ئىككى شاخ پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىگىسى ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن تاللىغان ئىككى كىشىنىڭ بېشارىتىدۇر، _ دېدى. مەن يەنە يۇقۇرىغا قارىدىم ۋە ئۇچۇۋاتقان بىر يازمىنى كۆردۈم. پەرىشتە مەندىن: _ نېمىنى كۆردۈڭ؟ _ دەپ سورىدى. مەن: _ ئۇچۇۋاتقان بىر يازمىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئون مېتىر، كەڭلىكى بەش مېتىر كېلىدىكەن، _ دەپ جاۋاب بەردىم. ئاندىن ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: _ بۇ يازمىغا پۈتۈن دۇنيانى قارغايدىغان قارغىش سۆزلەر پۈتۈلگەندۇر. بىر يۈزىگە ئوغرىلىق قىلغانلارنىڭ يوقىتىلىشى ھەققىدىكى قارغىشلار، يەنە بىر يۈزىگە ساختا قەسەم قىلغانلارنىڭ ۋەيران قىلىنىشى ھەققىدىكى قارغىشلار پۈتۈلگەندۇر. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن بۇ قارغىشنى ئەۋەتتىم. ئۇ ئوغرىنىڭ ئۆيىگە ۋە مېنىڭ نامىمدا ساختا قەسەم قىلغانلارنىڭ ئۆيىگە چۈشىدۇ. ئاندىن ئۇ شۇ ئۆيلەردە ماكانلىشىپ، ئۇلارنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىدۇ، ئۆيلىرىنىڭ بىر دانە تاش، بىر تال ياغىچىمۇ قالمايدۇ.» مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە يېنىمغا كېلىپ: _ قارا، نېمە كېلىۋاتىدۇ، _ دەپ سورىدى مەندىن. مەن: _ ئۇ نېمە؟ _ دەپ قايتۇرۇپ سورىدىم. ئۇ: _ ئۇ بىر ئۆلچەم ئىدىشىدۇر. ئۇنىڭغا زېمىندىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرى قاچىلانغاندۇر، _ دەپ جاۋاب بەردى. ئاندىن ئىدىش ئۈستىدىكى قوغۇشۇن قاپقاق ئېلىۋېتىلدى. ئىچىدە بىر ئايال ئولتۇراتتى. پەرىشتە: _ بۇ ئايالنىڭ ئىسمى «رەزىللىك»تۇر، _ دېدى. ئاندىن چىقىشقا ئۇرۇنغان ئايالنى ئىدىشنىڭ ئىچىگە قايتىدىن تىقىپ، قاپقاقنى يېپىۋەتتى. مەن يەنە ئىككى ئايالنىڭ شامالدا لەيلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ قاناتلىرى لەيلەكنىڭ قاناتلىرىغا ئوخشايتتى. ئۇلار كېلىپ، ئىدىشنى ئېلىپ، ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىدىن: _ ئۇلار ئىدىشنى نەگە ئاپىرىدۇ؟ _ دەپ سورىدىم. ئۇ ماڭا: _ ئۇنى بابىلغا ئېلىپ بارىدۇ. بابىللىقلار بۇ ئىدىش ئۈچۈن بىر سەجدىگاھ سالىدۇ. سەجدىگاھ پۈتكەندىن كېيىن، ئۇنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ياسالغان سۇپىغا قويۇشىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى. ئاندىن مەن يەنە نەزەر سېلىپ، تۆت جەڭ ھارۋىسىنىڭ ئىككى تاغ ئارىسىدىن كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇ تاغلار تۇچتىن ئىدى. بىرىنچى جەڭ ھارۋىسى تورۇق ئاتقا، ئىككىنچىسى قارا ئاتقا، ئۈچىنچىسى ئاق ئاتقا، تۆتىنچىسى چىپار ئاتقا قېتىلغانىدى، بۇ ئاتلار كۈچلۈك ئىدى. مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتىدىن: _ تەقسىر، بۇلار نېمىنىڭ بېشارىتى؟ _ دەپ سورىدىم. پەرىشتە ماڭا مۇنداق جاۋاب بەردى: _ ئۇلار پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىگىسىنىڭ ھۇزۇرىدىن تۆت تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتقان ساماۋى شاماللار. قارا ئاتلىق جەڭ ھارۋىسى شىمالغا، ئاق ئاتلىق جەڭ ھارۋىسى غەربكە ۋە چىپار ئاتلىق جەڭ ھارۋىسى جەنۇبقا بارىدۇ. بۇ كۈچلۈك ئاتلار پۈتۈن زېمىننى چارلاشقا تەقەززادۇر. پەرىشتە ئۇلارغا: _ بېرىڭلار، زېمىننى چارلاپ كېلىڭلار _ دېدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار چارلاشقا كەتتى. ئۇ مېنى يەنە چاقىرىپ: _ مانا قارا! شىمالغا بارغان ئاتلار پەرۋەردىگارنى غەزىپىدىن ياندۇردى، _ دېدى. پەرۋەردىگار ماڭا يەنە مۇنداق دېدى: _ سەن سۈرگۈندىن قايتقان خەلداي، توبىيا ۋە يىدايالار بابىلدىن سوۋغا قىلىپ ئەكەلگەن ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئېلىپ، شۇ كۈنىلا زىفانيانىڭ ئوغلى يوشىيانىڭ ئۆيگە بارغىن. ئاندىن مۇشۇ ئالتۇن-كۈمۈشلەر بىلەن بىر تاج ياسىتىپ، ئۇنى يىھوزاداقنىڭ ئوغلى باش روھانىي يوشۇۋانىڭ بېشىغا كىيدۈرۈپ قويغىن ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بىر ‹نوتا› پەيدا بولۇپ، ئۆز تۈۋىدىن بىخلىنىپ چىقىدۇ. ئۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن سالىدۇ. مېنىڭ ئىبادەتخانامنى سالىدىغان كىشى ئۇدۇر. ئۇ پادىشاھلىق شان-شەرىپىگە ئىگە بولۇپ، تەختتە ئولتۇرۇپ، ھۆكۈم سۈرىدۇ ۋە روھانىينىڭ ۋەزىپىسىنىمۇ ئادا قىلىدۇ. بۇ ئىككى ۋەزىپە بىر-بىرىگە تاقاشمايدۇ. بۇ تاج مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا قويۇلىدۇ. ئۇ خەلداي، توبىيا، يىدايا ۋە زىفانيانىڭ ئوغلى يوشىيالارنى ئەسلىتىدىغان خاتىرە بولىدۇ.» يىراقتىن كىشىلەر كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى سېلىشقا ياردەم بېرىدۇ. شۇ چاغدا سىلەر مەن زىكىرىيانى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئەۋەتكەنلىكىنى بىلىسىلەر. ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارغا تولۇق ئىتائەت قىلساڭلار، بۇ ئىشلار چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. پادىشاھ دارىئوسنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 4-يىلىنىڭ 9-ئېيىدا، يەنى كىسلاۋ ئېيىنىڭ 4-كۈنى پەرۋەردىگاردىن زىكىرىياغا يەنە بىر ۋەھىي كەلدى. بۇرۇن بەيتەللىكلەر سارئەزەر ۋە رەگەم-مەلەكنى ھەم ئۇلارنىڭ ئادەملىرىنى پەرۋەردىگاردىن ئىلتىپات سوراشقا يېرۇسالېمغا ئەۋەتكەنىدى. ئۇلار كېلىپ، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى روھانىيلار ۋە پەيغەمبەرلەردىن: «يىللاردىن بېرى ئىبادەتخانا ۋەيران قىلىنغان خاتىرە كۈنىنى ئەسلەپ، ياز ئاخىرىدا قىلىپ كېلىۋاتقان قايغۇ ئىچىدىكى روزىمىزنى يەنە داۋاملاشتۇرىمىزمۇ؟» دەپ سورىدى. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ سەن بۇ زېمىندىكى بارلىق خەلققە ۋە روھانىيلارغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «سىلەر يەتمىش يىلدىن بېرى ياز ئوتتۇرىسى ۋە كۈز ئايلىرى روزا تۇتۇپ قايغۇڭلارنى ئىپادىلىدىڭلار. ئەمما بۇنى راست مەن پەرۋەردىگار ئۈچۈن قىلغانمىدىڭلار؟! سىلەرنىڭ يەپ، ئىچىشىڭلارمۇ ئۆزۈڭلارنىڭ نەپسىڭلار ئۈچۈن بولغان ئەمەسمىدى؟! بۇنداق سۆزلەرنى مەن پەرۋەردىگار ئىلگىرىمۇ پەيغەمبەرلىرىم ئارقىلىق سىلەرگە جاكارلاپ كەلگەن ئەمەسمىدىم؟ ئەينى چاغدا يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيە شەھەرلىرىگە ئادەملەر ماكانلىشىپ، ئاۋاتلاشقانىدى. نەگېب چۆللۈكى ۋە غەربىي ئېدىرلىقلارغىمۇ ئادەملەر ئولتۇراقلاشقانىدى.» پەرۋەردىگار زىكىرىياغا يەنە مۇنداق دېدى: _ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «سىلەر ھۆكۈمدە ئادىل بولۇپ، بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت ۋە رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىڭلار. تۇل خوتۇن، يېتىملەرگە، يات خەلقلەردىن بولغان مۇساپىرلارغا ۋە نامراتلارغا زۇلۇم قىلماڭلار. قەلبىڭلاردا بىر-بىرىڭلارغا يامانلىق ئويلىماڭلار. ئەجدادلىرىڭلار سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىشنى خالىمىدى. ئۇلار جاھىللىق قىلدى، مەندىن يۈز ئۆرۈپ، قۇلاقلىرىنى ئېتىۋالدى. ئەجدادلىرىڭلار يۈرەكلىرىنى تاشتەك قاتتىق قىلىپ، بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر مېنىڭ روھىم ئارقىلىق يەتكۈزگەن تەلىملىرىم ۋە باشقا سۆزلىرىمگە ئەمەل قىلمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۇلارغا قاتتىق غەزەپلەندىم. مەن ئۇلارنى چاقىرغاندا، ئۇلار مېنىڭ چاقىرىشىمغا قۇلاق سالمىدى. شۇڭا ئۇلار مېنى چاقىرغاندىمۇ مەنمۇ ئۇلارنىڭ چاقىرىقىشىغا قۇلاق سالمىدىم. مەن ئۇلارنى خۇددى بوران ئۇچۇرۇۋەتكەندەك، يات ئەللەرگە ئۇچۇرۇۋەتتىم. ئۇلارنىڭ زېمىنى قاقاسلىققا ئايلىنىپ، ھېچكىم ئۇ يەرگە ئاياغ باسمىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار باياشات زېمىنىنى چۆللۈككە ئايلاندۇردى.» قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردىن ماڭا مۇنداق ۋەھىي كەلدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «سىئونغا بەك ئىچىم ئاغرىيدۇ. ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىغانچە، دۈشمەنلىرىگە غەزىپىم تاشىدۇ.» پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىئونغا قايتىپ كېلىپ، يېرۇسالېمنى ماكان قىلىمەن. ئەنە شۇ چاغدا يېرۇسالېم شەھىرى ‹ساداقەتلىك شەھەر›، مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سىئون تېغى ‹مۇقەددەس تاغ› دەپ ئاتىلىدۇ.» قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بوۋاي ۋە مومايلار كوچىلاردا ھاسىلىرىنى تۇتۇشۇپ ھال-مۇڭ بولۇپ ئولتۇرۇشىدىغان، شەھەر كوچىلىرى ئويناۋاتقان بالىلار بىلەن تولىدىغان كۈنلەر قايتا كېلىدۇ.» قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئىشلار ھازىر ئامان قالغان خەلقىمگە مۇمكىن ئەمەستەك تۇيۇلىدۇ، لېكىن مەن ئۈچۈن ئىمكانسىز ئەمەستۇر! بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.» قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن خەلقىمنى كۈن چىقىش ۋە كۈن پېتىشتىكى ئەللەردىن قۇتۇلدۇرۇپ ئەكېلىمەن. ئۇلارنى يېرۇسالېمدا ياشاشقا قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن. ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ، مەن ساداقەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن.» قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىبادەتخانامنى قايتا قۇرۇپ چىقىشقا جاسارىتىڭلار بولسۇن! بۇ سۆزلەرنى بۇرۇن ئىبادەتخانامنىڭ ئۇلى سېلىنغان كۈنى پەيغەمبەرلەر يەتكۈزگەنىدى ۋە بۈگۈنمۇ سىلەر بۇ سۆزلەرنى يەنە ئاڭلاۋاتىسىلەر. ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنى باشلاشتىن بۇرۇن ئادەملەرمۇ ۋە ھايۋانلارمۇ ئۆز مېھنىتىگە يارىشا ھەققىنى ئالالمايتتى. دۈشمەن سەۋەبىدىن ھېچكىم خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرەلمەيتتى. مەن ھەممىنى بىر بىرىگە قارشى قىلىپ قويغانىدىم. لېكىن ھازىر مەن ئامان قالغان بۇ خەلقىمگە بۇرۇنقىدەك مۇئامىلە قىلمايمەن. خەلقىم خاتىرجەم ھالدا زىرائەتلەرنى تېرىيدۇ. ئۈزۈم تاللىرى ساپاق-ساپاق ئۈزۈملەرگە تولىدۇ. ئاسماندىن شەبنەم چۈشۈپ، زېمىن مول ھوسۇل بېرىدۇ. مەن ئامان قالغان خەلقىمگە بۇ بەختنى ئاتا قىلىمەن. ئەي يەھۇدىيە ۋە ئىسرائىلىيە خەلقلىرى، ئىلگىرى سىلەر ئەللەر ئارىسىدا لەنەتكە قالغان خەلق دەپ ئاتالغان بولساڭلار، ئەمدىلىكتە مەن سىلەرنى قۇتقۇزىمەن. سىلەر بەخت مەنبەسى بولىسىلەر، شۇڭا قورقماڭلار، بەلكى جاسارەتلىك بولۇڭلار!» قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىلگىرى ئەجدادلىرىڭلار غەزىپىمنى قوزغىغاندا، مەن ئۇلارغا بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىشنى قارار قىلىپ، قارارىمدىن يانمىغانىدىم. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەمدى مەن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيە خەلقىگە ياخشىلىق قىلىشنى قەتئىي قارار قىلدىم. سىلەر قورقماڭلار، لېكىن مۇنداق قىلىڭلار: بىر-بىرىڭلارغا راستچىل بولۇڭلار، ھۆكۈمدە ئادىل بولۇپ، تىنچلىق ئورنىتىڭلار. قەلبىڭلاردا بىر-بىرىڭلارغا يامانلىق ئويلىماڭلار. يالغان قەسەم قىلىشتىن توختاڭلار، چۈنكى مەن بۇ ئىشلاردىن نەپرەتلىنىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.» قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردىن ماڭا ۋەھىي كەلدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ياز بېشى، ياز ئوتتۇرىسى، كۈز، قىش ئايلىرىدىكى روزا تۇتۇش كۈنلىرى يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ خۇشاللىق بىلەن تەنتەنە قىلىدىغان بايراملىرىغا ئايلىنىدۇ. شۇڭا سىلەر ھەقىقەت ۋە تىنچلىقنى سۆيۈڭلار.» قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداق زامانلار كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا نۇرغۇن ئەللەر ۋە نۇرغۇن شەھەرلەرنىڭ ئاھالىلىرى يېرۇسالېمغا كېلىدۇ. بىر شەھەرنىڭ ئاھالىلىرى يەنە بىر شەھەردىكى ئاھالىلەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ: ‹يۈرۈڭلار، تېز بولۇڭلار! پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە ئىلتىپات قىلىشىنى تىلەيلى، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلايلى! يۈرۈڭلار، بىز بىرگە بارايلى!› دېيىشىدۇ. كۆپ خەلقلەر ۋە كۈچلۈك ئەللەر يېرۇسالېمغا كېلىپ، مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىدۇ ھەم مېنىڭ ئۆزلىرىگە ئىلتىپات قىلىشىمنى تىلەيدۇ.» قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئاشۇ كۈنلەردە ھەرخىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان، ھەر خىل ئەللەرگە مەنسۇپ ئون ئادەم بىر يەھۇدىينىڭ چاپىنىنىڭ پېشىگە ئېسىلىپ، ئۇنىڭغا: ‹بىزمۇ سىز بىلەن بىرگە بارايلى! چۈنكى بىز خۇدانىڭ سىلەرگە يار ئىكەنلىكىنى ئاڭلىدۇق› دېيىشىدۇ.» بۇ پەرۋەردىگارنىڭ خادراك زېمىنى ۋە دەمەشق شەھىرىگە قارشى چۈشۈرگەن ۋەھىيسىدۇر. پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ھەم بارلىق ئىسرائىللارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇ خادراكقا چېگراداش بولغان خاماتنىمۇ كۆرۈپ تۇرىدۇ. گەرچە تىر ۋە سىدونلۇقلار ئۆزلىرىنى ناھايىتى ئەقىل-پاراسەتلىك ھېسابلىسىمۇ، ئۇلارنىمۇ پەرۋەردىگار كۆرۈپ تۇرىدۇ. تىر خەلقى ئۆزلىرى ئۈچۈن پۇختا سېپىل ياسىدى. ئۇلارنىڭ بايلىقىدىن كۈمۈشلىرى توپىدەك، ئالتۇنلىرى كوچىلاردىكى لايدەك دۆۋىلەندى. لېكىن ئىگىمىز ئۇلارنىڭ ھەممە نەرسىلىرىنى تارتىۋالىدۇ. دېڭىزدىكى ھەيۋىسىنى سۇندۇرىدۇ. تىر شەھىرى ئوتقا يەم بولىدۇ. ئاشقىلون خەلقى بۇنى كۆرۈپ، قورقۇپ كېتىدۇ. گازا خەلقىمۇ، ئازابتىن تولغىنىدۇ. ئەقرون خەلقىمۇ ئۈمىدسىزلىنىدۇ. گازانىڭ پادىشاھى ئۆلتۈرۈلىدۇ، ئاشقىلون ئادەمسىز قالىدۇ. ئاشدود شەھىرىدە نەسلى بۇزۇلغان خەلقلەر ياشايدۇ. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىمەن. ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن قېنى بار ھارام گۆشلەرنى، چىشلىرىدىن يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى تارتىپ چىقىرىمەن. فىلىستىيەلىكلەردىن ئامان قالغانلىرى مەن پەرۋەردىگارغا تەۋە بولۇپ، يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىدۇ. ئەقرون خەلقى يىبۇسلاردەك خەلقىم قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. دۈشمەنلەرنىڭ بېسىپ كىرمەسلىكى ئۈچۈن، ئۆز ئىبادەتخانامنى قوغدايمەن. يات خەلقلەر ئەمدى خەلقىمگە زۇلۇم سالالمايدۇ، چۈنكى مەن زېمىنىمنى كۆزىتىپ تۇرىمەن.» پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «شادلان ئەي سىئون قىزى! چۇقان سال قىزىم يېرۇسالېم! مانا، پادىشاھىڭلار كېلىۋاتىدۇ! ئۇ ھەققانىيدۇر، ئۇ نىجاتلىق ئېلىپ كېلەر. ئۇ كىچىك پېئىلدۇر، ئۇ ئېشەككە، يەنى تەخەيگە مىنىپ كېلەر. مەن ئىسرائىلىيەدىن جەڭ ھارۋىلىرىنى، يېرۇسالېمدىن جەڭ ئاتلىرىنى يوقىتىمەن. ئۇرۇش قوراللىرىنى سۇندۇرۇپ تاشلايمەن. ئاندىن ئۇ ئەللەرگە تىنچلىق جاكارلار. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى دېڭىزدىن دېڭىزغىچە، فىرات دەرياسىدىن تېخىمۇ يىراق بولغان زېمىننىڭ چېتىگىچە بولىدۇ. سىلەر بىلەن قۇربانلىقنىڭ قېنى ئارقىلىق تۈزگەن ئەھدەم بولغانلىقى ئۈچۈن، سۈرگۈندىكى خەلقىڭلارنى سۇسىز ئازگالدىن ئازاد قىلىمەن. ئەي ئۈمىدۋار تۇتقۇنلار، ئۆز قورغىنىڭلارغا قايتىڭلار! بۈگۈن شۇنداق جاكارلايمەنكى، يوقاتقىنىڭلارنى ھەسسىلەپ قايتۇرۇپ بېرىمەن. مەن يەھۇدىيەنى يادەك ئېگىمەن، ئىسرائىلىيەنى ئوق كەبى بەتلەيمەن. ئەي سىئون خەلقى، مەن ئوغۇللىرىڭلارنى ئويغىتىپ، يۇنان خەلقىگە قارشى ھۇجۇم قىلدۇرىمەن. مەن سىلەرنى جەڭچىلەرنىڭ قىلىچىدەك ئىشلىتىمەن.» پەرۋەردىگار ئۇلارغا ئۆزىنى نامايان قىلىدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ ئوقلىرى خۇددى چاقماقتەك ئۇچىدۇ. ئىگىمىز پەرۋەردىگار بۇرغا چېلىپ، جەنۇبتىن چىققان بورانلار ئارىسىدا كېلىدۇ. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى قوغدايدۇ. ئۇلار سالغا بىلەن تاش ئېتىپ، دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ. ئۇلار جەڭدە مەستلەردەك چۇقان سالىدۇ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۇرجەكلىرى قانغا مىلەنگەندەك، ئۇلار دۈشمەنلىرىنىڭ قېنىغا مىلىنىدۇ. ئۇ كۈنى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ئۆز خەلقىنى خۇددى پادىچى ئۆز پادىلىرىنى قۇتقۇزغاندەك قۇتقۇزىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ زېمىنىدا خۇددى پادىشاھنىڭ تاجىدىكى ياقۇتلاردەك چاقنايدۇ ئۇلار نەقەدەر قالتىس، نەقەدەر گۈزەل-ھە! ئاشلىق ۋە شارابلار يىگىت-قىزلارغا قۇۋۋەت بېغىشلايدۇ. باھار پەسلىدە پەرۋەردىگاردىن يامغۇر تىلەڭلار، قارا بۇلۇت، چاقماقنى ياراتقان پەرۋەردىگاردۇر. ئۇ ئىنسانلار ئۈچۈن يامغۇر ياغدۇرۇپ، ئېتىزلارنى كۆكەرتىدۇ. ئۆيدىكى بۇتلاردىن مەسلىھەت سوراش بىھۇدىدۇر. پالچىلارنىڭ سالغان پاللىرى يالغاندۇر. ئۇلارنىڭ چۈشلەرگە تەبىر بېرىشلىرى تۇتۇرۇقسىزدۇر. ئۇلار قۇرۇق تەسەللى بېرىشىدۇ. شۇڭا خەلق ئازغان قويلاردەك يۈرۈشىدۇ، پادىچىسىز قېلىپ ئازاب ئىچىدە قىينىلىدۇ. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «خەلقىمنىڭ سەركىلىرىگە غەزەپلىنىمەن. مەن بۇ يېتەكچىلەرنى جازالايمەن. مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار پادىلىرىمغا، يەنى يەھۇدىيە خەلقىگە كۆڭۈل بۆلىمەن. مەن ئۇلارنى كۈچلۈك جەڭ ئاتلىرىغا ئايلاندۇرىمەن. يەھۇدىيە خەلقىدىن خۇددى ئۇل تېشىدەك، چېدىر قوزۇقىدەك، جەڭ ئوقياسىدەك يېتەكچىلەر چىقىدۇ. ئۇلار جەڭ مەيدانىدىكى باتۇرلاردۇر. ئۇلار كوچىدىكى لاينى چەيلىگەندەك دۈشمەنلىرىنى چەيلەيدۇ. ئۇلار جەڭ قىلىدۇ، چۈنكى مەن پەرۋەردىگار ئۇلارغا ياردۇرمەن. ئۇلار دۈشمەن چەۋەندازلىرىنى نومۇسقا قويىدۇ. مەن يەھۇدىيە خەلقىنى كۈچلۈك قىلىمەن، ئىسرائىلىيە خەلقىنى قۇتقۇزىمەن، ئۇلارنى ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن. مەن ئۇلارغا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىمەن. ئۇلار ئۆزلىرىنى ھېچقاچان رەت قىلىنمىغاندەك ھېس قىلىشىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى خۇدادۇرمەن، ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سالىمەن. ئىسرائىلىيە خەلقى خۇددى جەڭ مەيدانىدىكى باتۇرلاردەك بولىدۇ. ئۇلار شارابتىن ھۇزۇرلانغاندەك خۇشاللىققا چۆمىدۇ. بۇلارنى كۆرۈپ، پەرزەنتلىرىمۇ خۇشال بولۇشىدۇ ۋە مەن پەرۋەردىگاردىن شادلىنىدۇ. مەن ئىسقىرتىپ، ئۇلارنى يىغىمەن. ئۇلارنى چوقۇم قۇتقۇزىمەن. ئۇلارنىڭ سانى بۇرۇنقىدەك كۆپ بولىدۇ. گەرچە مەن ئۇلارنى يات ئەللەرگە چېچىۋەتكەن بولساممۇ، ئۇلار ئاشۇ يىراق جايلاردا مېنى ئەسكە ئالىدۇ. ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ھايات قېلىپ، ئىسرائىلىيەگە قايتىپ كېلىدۇ. مەن ئۇلارنى مىسىردىن قايتۇرۇپ كېلىمەن، ئاسسۇردىن يىغىپ ئەكېلىمەن. مەن ئۇلارنى گىلئاد ھەم لىۋان زېمىنلىرىغىچە ئورۇنلاشتۇرىمەن، ھەتتا بۇ جايلارمۇ ئۇلارغا تارلىق قىلىدۇ. خەلقىم كۈلپەت دېڭىزىدىن ئۆتكەندە، دولقۇنلار پەسلەيدۇ. نىل دەرياسىنىڭ چوڭقۇر سۇلىرى قۇرۇيدۇ. ئاسسۇرلارنىڭ ھەيۋىسى سۇنىدۇ. مىسىرلىقلارنىڭ سەلتەنەت ھاسىسى يوقىلىدۇ. مەن پەرۋەردىگار خەلقىمنى كۈچلۈك قىلىمەن، ئۇلار مېنىڭ يولۇمدا ماڭىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.» ئەي لىۋانلىقلار، قوۋۇقلىرىڭلارنى ئېچىڭلار! يالقۇنلۇق ئوت كېدىر دەرەخلىرىڭلارنى يالماپ يۇتسۇن. ئەي قارىغايلار، يىغلاڭلار، چۈنكى كېدىر دەرەخلىرى ئۆرۈلدى. ھەيۋەتلىك دەرەخلەر ۋەيران بولدى. ئەي باشاننىڭ دۇپ دەرەخلىرى، ھازا تۇتۇپ يىغلاڭلار، چۈنكى قويۇق ئورمانلىقلار كېسىلدى. پادىچىلارنىڭ يىغا-زارلىرىغا قۇلاق سېلىڭلار، چۈنكى ئۇلارنىڭ مۇنبەت يايلاقلىرى نابۇت قىلىندى. شىرلارنىڭ ھۆركىرەشلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار، چۈنكى ئىئوردان دەرياسى بويىدىكى چاتقاللار نابۇت قىلىندى. پەرۋەردىگارىم خۇدا ماڭا مۇنداق دېدى: _ سەن بېرىپ بوغۇزلىنىشقا ئېلىپ كېتىۋېتىلگەن قويلارغا پادىچى بولغىن! قوي سېتىۋالغۇچىلار قويلارنى بوغۇزلايدۇ، لېكىن جازالانمايدۇ. قوي ساتقۇچىلار: «خۇداغا شۈكۈر، مەن باي بولدۇم!» دەيدۇ. ھەتتا پادىچىلارنىڭمۇ قويلارغا رەھىمى كەلمەيدۇ. مەن پەرۋەردىگار دەيمەنكى، بۇ زېمىندىكى كىشىلەرگە ئەمدى رەھىم قىلمايمەن. مەن ئۇلارنى بىر-بىرىنىڭ ھەم پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇلار بۇ زېمىننى ۋەيران قىلىدۇ، مەن ھېچكىمنى قۇتقۇزمايمەن. شۇنىڭ بىلەن مەن زىكىرىيا بوغۇزلانماقچى بولغان قويلارغا پادىچى بولدۇم. مەن قولۇمغا ئىككى تاياق ئالدىم. ئۇلارنىڭ بىرىنى «شاپائەت» تايىقى، يەنە بىرىنى «ئىناقلىق» تايىقى دەپ ئاتىدىم ۋە پادىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدىم. بىر ئاي ئىچىدە مەن ئۈچ پادىچىنى ھەيدىۋەتتىم. قويلارغا سەۋر-تاقىتىم قالمىدى. قويلارمۇ مەندىن بىزار بولدى. مەن ئۇلارغا مۇنداق دېدىم: _ سىلەرنىڭ پادىچىڭلار بولۇشنى خالىمايمەن. ئۆلىدىغانلىرى ئۆلىۋەرسۇن، ھالاك بولىدىغانلىرى ھالاك بولىۋەرسۇن، ساق قالغانلىرى بىر-بىرىنىڭ گۆشلىرىنى يىيىشسۇن. مەن «شاپائەت» دەپ ئاتالغان تاياقنى قولۇمغا ئېلىپ سۇندۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھەممە ئەللەر بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدىم. شۇ كۈنى ئەھدە بىكار بولدى. مېنى كۆزىتىپ تۇرغان زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلار بۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىنى چۈشەندى. ئاندىن مەن ئۇلارغا: _ ئەگەر سىلەر ماڭا ئىش ھەققى بېرىشنى لايىق كۆرسەڭلار، بېرىڭلار، بەرمىسەڭلارمۇ ئىختىيارىڭلار، _ دېدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ماڭا ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگە بەردى. ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا: _ ئۇنى كۇلالچىغا تاشلاپ بەر! بۇ ئۇلارنىڭ ماڭا لايىق كۆرگەن ئەڭ ياخشى باھاسىكەن! _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ ئوتتۇز تەڭگىنى ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى كۇلالچىغا تاشلاپ بەردىم. ئاندىن مەن «ئىناقلىق» دەپ ئاتالغان ئىككىنچى تاياقنى قولۇمغا ئېلىپ، سۇندۇرۇۋەتتىم. شۇنداق قىلىپ يەھۇدىيە بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدىكى ئىناقلىقنى بۇزۇپ تاشلىدىم. ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ سەن يەنە پادىچىنىڭ نەرسىلىرىنى قولۇڭغا ئېلىپ، پادىچى بولغىن. ئەمما بۇ قېتىم نادان پادىچى بولغىن. چۈنكى مەن بۇ زېمىندا ھالاك بولغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمايدىغان، ئازغانلارنى ئىزدىمەيدىغان، يارىلانغانلارنى ساقايتمايدىغان، ساقلارنى ئوتلاتمايدىغان پادىچىدىن بىرنى تەيىنلەيمەن. ئۇ سېمىز قويلارنى سويۇپ يەيدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ تۇياقلىرىنىمۇ يۇلۇپ تاشلايدۇ. پادىلىرىنى تاشلىۋەتكەن ناچار پادىچىمنىڭ ھالىغا ۋاي! قىلىچ ئۇنىڭ بىلىكىنى چاپسۇن، ئوڭ كۆزىنى ئويسۇن! قولى قۇرۇسۇن، ئوڭ كۆزى كور بولسۇن! بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلىيە توغرىسىدىكى ۋەھىيسىدۇر. ئاسماننى يېيىپ، زېمىننىڭ ئۇلىنى قويغان، ئىنسانغا روھ ئاتا قىلغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن يېرۇسالېمنى ئەتراپىدىكى ئەللەرنى مەست قىلىپ قويىدىغان بىر قەدەھ شاراب قىلىپ قويىمەن. ئۇلار يېرۇسالېمنى قورشىۋالغاندا، يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىمۇ قورشاۋغا ئېلىنىدۇ. ئۇ كۈن كەلگەندە، مەن يېرۇسالېمنى مىدىرلاتقىلى بولمايدىغان تاش قىلىمەن. ئۇنىڭغا قارشى بىرلىشىپ ھۇجۇم قىلغان بارلىق ئەللەر ئۇنى يۆتكىمەكچى بولسا، ئۆزلىرىنى يارىلاندۇرىدۇ. مەن پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيمەنكى، ئۇ كۈن كەلگەندە، بارلىق ئاتلارنى ئۈركۈتىمەن ۋە ئات ئۈستىدىكى چەۋەندازلارنى ئەقلىدىن ئازدۇرىمەن. مەن يەھۇدىيەگە ھامىيلىق قىلىمەن، ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ ئاتلىرىنى كور قىلىمەن. يەھۇدىيەنىڭ يېتەكچىلىرى ئۆزلىرىگە شۇنداق دېيىشىدۇ: ‹يېرۇسالېم ئاھالىلىرى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردىن كۈچ-قۇۋۋەتكە ئېرىشىدۇ›. ئۇ كۈن كەلگەندە، مەن يەھۇدىيەنىڭ يېتەكچىلىرىنى ئوتۇن ئارىسىدىكى چوغ، سامان ئارىسىدا يېنىپ تۇرغان مەشئەل قىلىمەن. ئۇلار ھەر تەرەپتىن قورشاۋغا ئالغان بارلىق ئەللەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ. يېرۇسالېم خەلقى ئۆز جايىدا، يەنى يېرۇسالېمدا ئامان-ئېسەن ياشايدۇ. مەن پەرۋەردىگار ئالدى بىلەن يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدىكى يەھۇدىيە خەلقىگە غەلىبە ئاتا قىلىمەن. شۇنداق بولغاندا، داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە يېرۇسالېم خەلقىنىڭ ئېرىشكەن شان-شەرەپلىرى باشقا يەھۇدىيە خەلقىنىڭ شان-شەرەپلىرىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ئۇ كۈن كەلگەندە، مەن پەرۋەردىگار يېرۇسالېم خەلقىنى قوغدايمەن. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ ئاجىزلىرىمۇ پادىشاھ داۋۇتتەك كۈچلۈك بولىدۇ. داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى خەلقنىڭ ئالدىدا خۇددى ماڭا ۋە مېنىڭ پەرىشتەمگە ئوخشاش يول باشلايدۇ. ئۇ كۈن كەلگەندە، مەن يېرۇسالېمغا قارشى چىققان بارلىق ئەللەرنى يوقىتىش ئۈچۈن ئاتلىنىمەن. مەن داۋۇت ئەۋلادلىرى ۋە يېرۇسالېم خەلقىنى مېھىر-شەپقەت روھىغا ۋە دۇئا ئىستىكىگە چۆمدۈرىمەن. ئۇلار ماڭا، يەنى ئۆزلىرى نەيزە تىققۇچىغا قارايدۇ. ئۇلار خۇددى يالغۇز پەرزەنتىگە ماتەم تۇتقاندەك ماتەم تۇتىدۇ ۋە تۇنجى پەرزەنتىنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن ھازا ئاچقاندەك، قاتتىق يىغلىشىدۇ. ئۇ كۈن كەلگەندە، يېرۇسالېمدا كۆتۈرۈلگەن داد-پەرياد خۇددى مىگىددو تۈزلەڭلىكىدىكى ھاداد-رىممون دېگەن جايدا كۆتۈرۈلگەن داد-پەريادقا ئوخشاش كۈچلۈك بولىدۇ. پۈتۈن ئىسرائىل زېمىنى ھازا تۇتىدۇ. ھەر بىر جەمەت ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھازا تۇتىدۇ. شۇنداقلا ئەر ۋە ئاياللارمۇ ئايرىلىپ ھازا تۇتىدۇ. داۋۇتنىڭ جەمەتى، ناتاننىڭ جەمەتى، لاۋىي قەبىلىسى، شىمئى جەمەتىمۇ شۇنداق قىلىدۇ. باشقا جەمەتلەرمۇ ئەر-ئاياللار ئايرىلىپ تۇرۇپ ھازا تۇتىشىدۇ. ئۇ كۈن كەلگەندە، پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە يېرۇسالېم خەلقى ئۈچۈن بىر بۇلاق ئېتىلىپ چىقىدۇ. بۇ بۇلاق ئۇلارنىڭ بارچە گۇناھلىرى ۋە ناپاكلىقىنى يۇيىدۇ.» قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ كۈن كەلگەندە، مەن بۇ زېمىندىن بۇتلارنى يوقىتىمەن. ئۇلارنىڭ نامى ئۇنتۇلىدۇ. مەن يەنە ساختا پەيغەمبەرلەرنى ۋە خەلقنىڭ ناپاكلىققا ئىنتىلىش روھىنى بۇ زېمىندىن يوقىتىمەن. ئەگەر بىر ساختا پەيغەمبەر يەنە يالغاندىن ۋەھىي يەتكۈزسە، ئۇنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا: ‹سەن ئەمدى ئۆلىسەن، چۈنكى سەن پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا يالغان ۋەھىي يەتكۈزدۈڭ!› دەيدۇ ۋە ۋەھىي يەتكۈزۈۋاتقان ئۆز ئوغلىنى نەيزە سانجىپ ئۆلتۈرىدۇ. ئۇ كۈن كەلگەندە، ساختا پەيغەمبەرلەر ۋەھىي يەتكۈزۈشتىن نومۇس قىلىدىغان بولىدۇ. ئۇلار خەلقنى ئالداش ئۈچۈن كىيىۋالىدىغان يۇڭدىن توقۇلغان پەيغەمبەرلىك تونلىرىنى كىيمەيدىغان بولىدۇ. ئۇلار: ‹مەن پەيغەمبەر ئەمەس، پەقەت دېھقانمەن، ياش ۋاقتىمدىن تارتىپلا دېھقانچىلىق قىلىپ كەلدىم› دەيدۇ. ئەگەر بىرى: ‹ئۇنداقتا مەيدەڭدىكى يارا ئىزلىرى نەدىن كەلدى؟› دەپ سورىسا، ئۇ: ‹مەن دوستۇمنىڭ ئۆيىدە يارىلانغانىدىم› دەپ جاۋاب بېرىدۇ.» قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «غىلاپتىن چىق ئەي قىلىچ، پادىچىمغا قارشى ئاتلان! ماڭا يېقىن تۇرغۇچىغا قارشى چىق! پادىچىنى ئۇر، قويلىرى پاتىپاراق بولسۇن. مەن قوزىلارغا قارشى قولۇمنى كۆتۈرىمەن. مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، بۇ زېمىندىكى ئادەملەرنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى يوقىلىدۇ، پەقەت ئۈچتىن بىرى تىرىك قالىدۇ. مەن ئۇلارنى ئوتتا سىنايمەن. ئۇلارنى تاۋلانغان كۈمۈشتەك پاك قىلىمەن. ئۇلارنى ئالتۇننى تاۋلىغاندەك تاۋلايمەن. ئۇلار مېنىڭ نامىمنى چاقىرىدۇ. مەن ئۇلارغا جاۋاب بېرىمەن. مەن: ‹بۇلار مېنىڭ خەلقىمدۇر› دەيمەن، ئۇلار: ‹پەرۋەردىگار بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر› دېيىشىدۇ.» ئەي يېرۇسالېملىقلار، قاراڭلار! پەرۋەردىگارنىڭ جازا كۈنى يېقىنلاشماقتا! دۈشمىنىڭلار مال-مۈلكۈڭلارنى كۆز ئالدىڭلاردا تالان-تاراج قىلىپ، بۆلۈشىدۇ. پەرۋەردىگار بارلىق ئەللەرنى يىغىپ، يېرۇسالېمغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلاندۇرىدۇ. شەھەر قولدىن كېتىپ، ئۆيلەر بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ، قىز-ئاياللار دەپسەندە قىلىنىدۇ. شەھەر ئاھالىسىنىڭ يېرىمى سۈرگۈن قىلىنىپ، يېرىمى قالدۇرۇلىدۇ. ئاندىن پەرۋەردىگار بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىكىدەك كېلىپ، يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلغان ئەللەر بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ. شۇ كۈنى پەرۋەردىگار يېرۇسالېمنىڭ شەرقىدىكى زەيتۇن تېغىغا قەدەم باسىدۇ. زەيتۇن تېغى ئىككىگە بۆلۈنۈپ، يېرىمى شىمالغا، يېرىمى جەنۇبقا يۆتكىلىدۇ. ئوتتۇرىسىدا شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان كەڭ بىر جىلغا پەيدا بولىدۇ. سىلەر ئازال دېگەن جايغىچە سوزۇلغان بۇ جىلغىدىن قېچىپ ئۆتىسىلەر. سىلەر خۇددى يەھۇدىيە پادىشاھى ئۇززىيا دەۋرىدە خەلق يەر تەۋرەشتىن قاچقاندەك قاچىسىلەر. ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارىم خۇدا بارلىق پەرىشتىلىرى بىلەن بىرگە كېلىدۇ. ئۇ كۈن كەلگەندە، يورۇقلۇق ھەم سوغۇق بولمايدۇ، شۇنداقلا قىروۋمۇ چۈشمەيدۇ. ئۇ كۈن ئالاھىدە بىر كۈن بولۇپ، ئۇ كۈننى پەقەت پەرۋەردىگارلا بىلىدۇ. ئۇ كۈندە كۈندۈز بىلەن كېچىنىڭ پەرقى بولمايدۇ. كەچ ۋاقتى بولغاندىمۇ يورۇق بولىدۇ. ئۇ كۈن كەلگەندە، ھاياتلىق سۈيى يېرۇسالېمدىن ئېقىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ يېرىمى ئۆلۈك دېڭىزغا، قالغان يېرىمى ئوتتۇرا دېڭىزغا قاراپ ئاقىدۇ، بۇ سۇ ياز ۋە قىش پەسلى مۇشۇنداق ئېقىپ تۇرىدۇ. پەرۋەردىگار پۈتۈن يەر يۈزىنىڭ پادىشاھى بولىدۇ. ئۇ كۈن كەلگەندە، ھەممە ئادەم ئۇنىڭ يېگانە پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى ۋە نامىنىڭمۇ يېگانە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىدۇ. يەھۇدىيەنىڭ شىمالىدىكى گىبئاھتىن تارتىپ، يېرۇسالېمنىڭ جەنۇبىدىكى رىممونغىچە بولغان بارلىق زېمىن تۈزلەڭلىككە ئايلىنىدۇ. لېكىن يېرۇسالېم يەنىلا ئۆز جايىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. شەھەر «بىنيامىن» دەرۋازىسىدىن كونا دەرۋازىنىڭ ئورنىغا سېلىنغان «بۇلۇڭ» دەرۋازىسىغىچە، ھەم خانانئېل مۇنارىدىن پادىشاھنىڭ ئۈزۈم ئېزىش كۆلچەكلىرىگىچە كېڭىيىدۇ. ئادەملەر ئۇ يەردە ياشايدۇ. بۇ شەھەر ھېچقاچان قايتىدىن ۋەيران قىلىنمايدۇ. يېرۇسالېم بىخەتەر جاي بولىدۇ. پەرۋەردىگار يېرۇسالېمغا قارشى چىققان بارلىق ئەللەرگە ۋابا بىلەن ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇلار تىرىك مۇردىلارغا ئايلىنىپ، تەنلىرى چىرىپ كېتىدۇ. كۆزلىرى كۆز چانىقىدا، تىللىرى ئېغىزلىرىدا چىرىيدۇ. ئۇ كۈن كەلگەندە، پەرۋەردىگار ئۇ ئەللەرنى ئالاقزادە قىلىدۇ. ھەممە ئادەم ياقا سىقىشىپ، بىر-بىرىگە قارشى قول كۆتۈرۈشىدۇ. ھەتتا يەھۇدىيە خەلقىمۇ يېرۇسالېمدا جەڭگە ئاتلىنىدۇ. ئەتراپىدىكى ئەللەرنىڭ بايلىقلىرى، يەنى ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئالتۇن-كۈمۈش ۋە كىيىم-كېچەكلىرى ئولجا ئېلىنىدۇ. دۈشمەن قوشۇنلىرىدىكى ئات، قېچىر، تۆگە، ئېشەك ۋە بارگاھلىرىدىكى بارلىق ھايۋانلارغىمۇ ئوخشاشلا ۋابا تېگىدۇ. كېيىن يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلغان بارلىق ئەللەردىن ھايات قالغانلىرى ھەر يىلى يېرۇسالېمغا كېلىپ، ئالەمنىڭ پادىشاھى، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىدۇ ۋە كەپە تىكىش ھېيتىنى ئۆتكۈزىدۇ. ئەگەر يەر يۈزىدىكى خەلقلەرنىڭ بىرەرسى يېرۇسالېمغا كېلىپ، ئالەمنىڭ پادىشاھى، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلمىسا، ئۇلارنىڭ يۇرتىغا يامغۇر ياغمايدۇ. ئەگەر مىسىرلىقلار بېرىشنى رەت قىلسا، ئۇلارنىڭ زېمىنىغىمۇ يامغۇر ياغمايدۇ. كەپە تىكىش ھېيتىغا بېرىشنى رەت قىلغان باشقا ئەللەرگە تەگكەن ۋابا بىلەن ئۇلارغىمۇ زەربە بېرىلىدۇ. مانا بۇ كەپە تىكىش ھېيتىنى تەبرىكلەشكە بارمىغان مىسىرلىقلار ۋە باشقا ئەللەرگە بېرىلىدىغان جازادۇر. ئۇ كۈن كەلگەندە، ئاتلارنىڭ يۈگەنلىرىدىكى قوڭغۇراقلارغا «پەرۋەردىگارغا ئاتالدى» دېگەن خەتلەر ئويۇلىدۇ. پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ئادەتتىكى قازانلار قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىشلىتىلىدىغان داسلارغا ئوخشاش مۇقەددەس بولىدۇ. يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەدىكى ھەر بىر قازان قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ، مۇقەددەس بولىدۇ. ئىبادەت قىلىشقا كەلگەنلەر قۇربانلىقلىرىنى پىشۇرۇش ئۈچۈن ھەرقانداق قاچىنى ئىشلەتسە بولىۋېرىدۇ. ئۇ كۈن كەلگەندە، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئەسلا سودا-سېتىق بولمايدۇ. بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ مالاكى پەيغەمبەر ئارقىلىق ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن ۋەھىيسىدۇر. پەرۋەردىگار: «مەن سىلەرگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ كەلدىم» دەيدۇ. لېكىن سىلەر: «راستمۇ؟ سەن بىزگە قانداق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتتىڭ؟» دەپ سورايسىلەر. پەرۋەردىگار جاۋابەن مۇنداق دەيدۇ: «ياقۇپنىڭ ئاكىسى ئەساۋ ئەمەسمۇ؟ لېكىن مەن ئەجدادىڭلار ياقۇپقا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتتىم، ئەمما ئەساۋنى رەت قىلدىم. ئەساۋغا تەقسىم قىلغان تاغلارنى دەشت-باياۋانغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇنى چىلبۆرىلەرگە تاشلاپ بەردىم». ئەساۋنىڭ ئەۋلادى بولغان ئىدوملۇقلار بەلكىم: «بىزنىڭ يۇرتىمىز ۋەيران قىلىنسىمۇ، ئەمما بىز بۇ خارابىلىكنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقالايمىز» دەيدۇ. بىراق قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بەلكىم ئۇلار يەنە قايتىدىن قۇرۇپ چىقار، ئەمما مەن يەنە ۋەيران قىلىۋېتىمەن. ئۇلارنىڭ زېمىنى ‹رەزىللىككە تولغان›، خەلقى ‹پەرۋەردىگارنىڭ مەڭگۈلۈك غەزىپىگە ئۇچرىغان› دەپ نام ئالىدۇ. سىلەر ئۇ ئىشلارنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈپ، ‹پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئىسرائىلىيەنىڭ زېمىنىدىن ھالقىپ كېتەر!› دەيسىلەر.» قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئوغۇل ئاتىسىنى، چاكار خوجايىنىنى ھۆرمەت قىلار. ئەگەر مەن بىر ئاتا بولسام، قېنى مېنىڭ ھۆرمىتىم؟ ئەگەر مەن بىر خوجايىن بولسام، قېنى ماڭا بولغان ئىتائەتمەنلىكىڭلار؟ سىلەر روھانىيلار مېنىڭ نامىمنى دەپسەندە قىلدىڭلار، ئەمما سىلەر ‹قانداق دەپسەندە قىلدۇق؟› دەپ سورايسىلەر. سىلەر ناپاك ھەدىيەلەرنى قۇربانلىق سوپامغا قويۇپ ماڭا ئاتىدىڭلار. شۇنداق تۇرۇقلۇق، سىلەر يەنە ‹سېنى قانداق خاپا قىلدۇق؟› دەپ سورايسىلەر. سىلەر مېنىڭ قۇربانلىق سۇپامنى ھۆرمەت قىلمىساق بولىۋېرىدۇ، دەپ ئويلايدىكەنسىلەر. سىلەرنىڭ كور مالنى قۇربانلىق قىلغىنىڭلار توغرىمۇ؟ ناكار ۋە كېسەل مالنى قۇربانلىق قىلغىنىڭلار توغرىمۇ؟ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى: ئۆز ھاكىمىڭلارغا شۇنداق سوۋغاتنى بېرىپ سىناپ بېقىڭلارچۇ قېنى، ئۇ خۇرسەن بولامدىكىن؟! ئۇ سىلەرگە ھىممەت كۆرسىتەمدىكىن؟! ئەمدى سىلەر مەن خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن يېلىنىپ بېقىڭلار. سىلەر ئاشۇنداق قۇربانلىقلارنى سۇنغىنىڭلاردا، خۇدا سىلەرگە شەپقەت قىلارمۇ؟!» قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: «بىرىڭلار ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىلىرىنى تاقىۋېتىڭلارچۇ، شۇنداق قىلساڭلار مېنىڭ قۇربانلىق سۇپامدا ئوت يېقىپ، ئەرزىمەس قۇربانلىقلارنى سۇنۇپ ئولتۇرمايسىلەر. مەن سىلەردىن رازى ئەمەسمەن. ئەمدى مەن سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىن قۇربانلىق قوبۇل قىلمايمەن. كۈن چىقىشتىن تارتىپ كۈن پېتىشقىچە بولغان خەلقلەر مېنىڭ نامىمنى ئۇلۇغلايدۇ. ھەممە يەردە مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ ئىسرىق سالىدۇ ۋە پاك ھەدىيەلەرنى سۇنىدۇ. مېنىڭ نامىم پۈتكۈل خەلقلەر ئارىسىدا ئۇلۇغدۇر. ئەمما سىلەر روھانىيلار ماڭا ھۆرمەتسىزلىك قىلدىڭلار. سىلەر مەن ئىگەڭلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىنى كۆزگە ئىلماي، بىز بۇ سۇپىدا ئەرزىمەس يېمەكلىكلەر ۋە قۇربانلىقلارنى سۇنساقمۇ بولىۋېرىدۇ، دەپ ئويلايسىلەر. سىلەر ئىگەڭلارغا خىزمەت قىلىشنى بەك ئاۋارىچىلىك دەپ ئويلاپ، مېنى مەنسىتمىدىڭلار. ئويلاپ بېقىڭلار! سىلەر ئوغرىلاپ كېلىنگەن ياكى ناكار، كېسەل ھايۋانلارنى قوربانلىق قىلىسىلەر! مەن سىلەرنىڭ قوللىرىڭلاردىن شۇنداق قۇربانلىقلارنى قوبۇل قىلامدىمەن؟! مەن ئىگەڭلارغا، ئۆز ماللىرى ئارىسىدىن بېجىرىم ئەركەك مالنى قۇربانلىق قىلىشقا ۋەدە قىلىپ تۇرۇپ، ئەيىبناق مالنى قۇربانلىق قىلغان ئالدامچىغا قارغىش تەگسۇن.» مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى: «مەن بولسام ئۇلۇغ پادىشاھ، پۈتكۈل خەلقلەر مەندىن قورقۇشى كېرەك.» مەن سىلەرنىڭ ئەۋلادىڭلارنى جازالايمەن ۋە سىلەرنىڭ ھېيتلاردا قىلغان قۇربانلىقىڭلارنىڭ مەينەتچىلىكلىرىنى يۈزۈڭلارغا سۈركەيمەن، شۇنداقلا سىلەرنى شۇ مەينەتچىلىكلەر بىلەن بىرگە تاشلىۋېتىمەن. شۇنىڭدا سىلەر مېنىڭ لاۋىيلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا قىلغان ئەمرىمنىڭ مەقسىتىنى بىلىپ قالىسىلەر. مانا بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر!» «لاۋىيلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنىڭ مەقسىتى ھاياتلىق ۋە ئامانلىقنى ئاتا قىلىش بولۇپ، دەرۋەقە مەن ئۇنى ئۇلارغا ئاتا قىلدىم. بۇ ئەھدەمدە ئۇلارنىڭ مېنى ھۆرمەتلىشى تەلەپ قىلىنغانىدى. ئۇلار ماڭا ئىخلاسمەن بولدى ۋە مېنى ھۆرمەتلىدى. ئۇلار خەلققە ھەقىقەتنى ئۆگەتتى، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن ناتوغرا سۆزلەر چىقمىدى. ئۇلار ئىناقلىق ۋە دۇرۇسلۇق يولىدا مەن بىلەن بىللە ماڭدى. ئۇلار نۇرغۇن كىشىلەرنى گۇناھ يولىدىن قايتۇرۇپ كەلدى. روھانىيلارنىڭ ئاغزىدىن چىققان تەلىم پەرۋەردىگارنىڭ ھەقىقىتىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك. خەلق ئۇلارنى ئىزدەپ، ئۇلاردىن ساۋاق ئېلىشى لازىم، چۈنكى ئۇلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئەلچىلىرىدۇر. بىراق سىلەر روھانىيلار ھازىر پەرۋەردىگارنىڭ يولىدىن چەتنەپ كەتتىڭلار. سىلەرنىڭ تەلىملىرىڭلار نۇرغۇن كىشىلەرنى گۇناھ يولىغا كىرگۈزۈپ قويدى. سىلەر مېنىڭ لاۋىيلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى بۇزدۇڭلار» دېدى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار. پەرۋەردىگار يەنە: «مەن سىلەرنى پۈتۈن خەلق ئالدىدا كەمسىتىلىشكە ۋە خارلىققا دۇچار قىلدىم. چۈنكى سىلەر مېنىڭ يولۇمدا ماڭماي، كىشىلەرگە تەلىم بەرگىنىڭلاردا ئايرىمىچىلىق قىلدىڭلار.» دېدى. ھەممىمىزنىڭ خۇدائاتىمىز بىر ئەمەسمۇ؟ ھەممىمىزنى خۇدا ياراتقان ئەمەسمۇ؟ شۇنداق تۇرۇقلۇق بىز نېمە ئۈچۈن بىر-بىرىمىزنى ئالداپ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ خۇدا بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى بۇزىمىز؟ يەھۇدىيە خەلقى پەرۋەردىگارغا سەمىمىيەتسىزلىك قىلدى. ئۇلار ئىسرائىلىيەدە، ھەتتا يېرۇسالېمدا يىرگىنچلىك گۇناھ ئۆتكۈزدى. ئۇلار بۇتلارغا چوقۇنىدىغان ئاياللار بىلەن توي قىلىپ، پەرۋەردىگار ياخشى كۆرىدىغان ئىبادەتخانىنى بۇلغىدى. شۇنداق ئىش قىلغانلارنى، ئۇ كىم بولۇشىدىن ھەم قانداق ھەدىيە سۇنۇشىدىن قەتئىينەزەر پەرۋەردىگار ئىسرائىل جامائىتىدىن يوقاتقاي. سىلەر يەنە شۇنداق ئىش قىلىۋاتىسلەر، سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ قوربانلىق سۇپىسىنى كۆز-يېشىڭلارغا چىلاۋاتىسىلەر، ئۈن سېلىپ، ئۆكسۈپ يىغلاۋاتىسىلەر. چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ھەدىيەلىرىڭلارغا قاراپمۇ قويمايۋاتىدۇ ۋە ئۇنى قوبۇل قىلمايۋاتىدۇ. سىلەر يەنە: «پەرۋەردىگار نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ ھەدىيەلىرىمىزنى قوبۇل قىلمايدىغاندۇ؟» دەپ سورايسىلەر. پەرۋەردىگار ياشلىق چېغىڭلاردا ئايالىڭلارغا قىلغان قەسىمىڭلەرگە گۇۋاھتۇر. چۈنكى نىكاھلىنىپ ئالغان ھەمراھىڭ ساڭا ساداقەتمەن بولسىمۇ، ئەمما سەن ئۇنىڭغا ساداقەتسىزلىك قىلدىڭ. پەرۋەردىگار سېنى ۋە ئايالىڭنى بىر تەن، بىر جان قىلمىغانمىدى؟ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە سىلەر پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ. پەرۋەردىگار سىلەردىن نېمىنى كۈتىدۇ؟ سىلەرنىڭ بىر تەن، بىر جان بولۇش ئارقىلىق خۇدا يولىدا ماڭىدىغان پەرزەنتلەرنىڭ دۇنياغا كېلىشىنى كۈتىدۇ. شۇڭا قەلبىڭلارنى پاك تۇتۇپ، قەدىناس ئايالىڭلارغا سادىق بولۇڭلار. پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا: «مەن ئاجرىشىشقا نەپرەتلىنىمەن» دەيدۇ. «ئاجرىشىش خۇددى بىرسىگە قىلغان زوراۋانلىق بىلەن باراۋەردۇر. شۇڭا قەلبىڭلارنى پاك تۇتۇپ، ساداقەتسىزلىك قىلماڭلار!» سىلەر گەپ-سۆزۈڭلار بىلەن پەرۋەردىگارنى بىزار قىلدىڭلار. لېكىن سىلەر: «بىز ئۇنى قانداق بىزار قىپتۇق؟» دەپ سورايسىلەر. سىلەر: «پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامانلىق قىلغۇچىلارمۇ ياخشىدۇر، يەنە كېلىپ پەرۋەردىگار ئۇلاردىن خۇرسەندۇر»، «قېنى ئادىل خۇدا؟» دەپ بىلجىرلاپ ئۇنى بىزار قىلدىڭلار. «مانا، ئەمدى مەن پەرۋەردىگار ئۆز ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن. ئۇ ماڭا يول ھازىرلايدۇ. ئاندىن سىلەر تەلمۈرۈۋاتقان ئىگەڭلار، يەنى سىلەر تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقان، ئەھدە خەۋىرىنى يەتكۈزگۈچى ئەلچىم توساتتىن ئۆز ئىبادەتخانىسىغا كېلىدۇ، ئۇ چوقۇم كېلىدۇ!» دېدى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار. «ئەمما ئۇ كەلگەندە كىممۇ بەرداشلىق بېرەلەيدۇ؟ ئۇ زاھىر بولغاندا، كىممۇ ئۇنىڭ ئالدىدا دەس تۇرالايدۇ؟ چۈنكى ئۇ كۈمۈش تاۋلايدىغان ئوتقا ئوخشايدۇ، ئۇ كىرلەرنى يۇيۇپ ئاقارتىۋېتىدىغان كۈچلۈك سوپۇنغا ئوخشايدۇ. ئۇ كۈمۈشنى ئوتتا تاۋلاپ ئەخلىتىدىن ئايرىيدىغان ئادەمگە ئوخشاش، ئۇ لاۋىيلارنىمۇ ئالتۇن-كۈمۈش تاۋلىغاندەك تاۋلاپ پاكلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەن پەرۋەردىگارغا، مەن قوبۇل قىلالايدىغان ھەدىيەلەرنى سۇنالايدۇ. ئاندىن بۇرۇنقىدەك، يەھۇدا ۋە يېرۇسالېملىقلارنىڭ سۇنغان ھەدىيەلىرى مەن پەرۋەردىگارنى خۇرسەن قىلىدىغان بولىدۇ. شۇ چاغدا مەن سىلەرنى سوراققا تارتىمەن، مەندىن قورقمايدىغان بارلىق باخشىلار، زىناخورلار، ساختا گۇۋاھچىلار، ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىگە قارا سانايدىغانلار، تۇل خوتۇن، يېتىم-يېسىرلارنى خورلايدىغانلار ۋە مۇساپىرلارنى بوزەك قىلىدىغانلاردىن ھېساب ئالىمەن. مانا بۇلار مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر». «مەن پەرۋەردىگار ئۆزگەرمەستۇرمەن. شۇ سەۋەبتىن ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان سىلەر ۋەيران قىلىنمىدىڭلار. سىلەر ئەجدادىڭلار زامانىدىن تارتىپ مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىمدىن چەتنەپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتىپ كەلدىڭلار. ئەمدى سىلەر مېنىڭ يولۇمغا قايتىپ كېلىڭلار، مەنمۇ سىلەرگە قايتا يار بولاي. بىراق سىلەر: ‹بىز ئەزەلدىن چەتنەپ كەتمىگەن تۇرساق، قانداق قايتىمىز؟› دەپ سورايسىلەر. ئادەم خۇداغا خىيانەت قىلالامدۇ؟ دەرھەقىقەت سىلەر ماڭا خىيانەت قىلدىڭلار. بىراق سىلەر: ‹بىز قانداقلارچە ساڭا خىيانەت قىلالايمىز؟› دەپ سورايسىلەر. سىلەر ماڭا تېگىشلىك بولغان ئوندىن بىر ئۈلۈشكە ۋە ھەدىيەلەرگە خىيانەت قىلدىڭلار. پۈتۈن خەلقىڭلار ماڭا خىيانەت قىلغانلىقىدىن، سىلەرگە لەنەت ياغىدۇ. ئوندىن بىر ئۈلۈشنىڭ ھەممىسىنى ئىبادەتخانا ئامبىرىغا ئەكېلىڭلار، شۇنىڭدا ئىبادەتخانامدا يېتەرلىك ئاشلىق بولىدۇ. بۇ ئىشتا مېنى _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنى سىناڭلار! مېنىڭ سىلەر ئ‍ۈچۈن جەننەتنىڭ دەرۋازىلىرىنى ئېچىپ، سىلەرگە مول بەخت-سائادەت ياغدۇرغانلىقىمنى كۆرىسىلەر. مەن زىرائەتلىرىڭلارنى زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ۋەيران قىلىشىدىن قوغدايمەن. سىلەرنىڭ ئۈزۈملىرىڭلار پىشقۇچە چۈشۈپ كەتمەي ساپىقىدا تۇرىدۇ» دېدى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار. «زېمىنىڭلارنىڭ مۇنبەتلىكىدىن بارلىق مىللەتلەر سىلەرگە ‹بەخت قونۇپتۇ› دېيىشىدۇ! مانا بۇلار مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.» پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ئۈستۈمدىن يامان گەپ قىلدىڭلار. ئەمما سىلەر مەندىن: ‹بۇ نېمە دېگىنىڭ؟ بىز ساڭا قانداق يامان گەپ قىپتۇق؟› دەپ سورايسىلەر. سىلەر يەنە: ‹خۇداغا خىزمەت قىلىش بىھۇدە، بىز ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىپ، ياكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھەسرەت چېكىپ، گۇناھلىرىمىزغا توۋا قىلىپ نېمىگە ئېرىشتۇق؟ ھازىر تەكەببۇرلار بەخت تېپىپ، يامانلىق قىلغۇچىلار گۈللەپ ياشناۋاتىدۇ. ئۇلار خۇدانى سىناپ تۇرۇپ يەنە قېچىپ قۇتۇلدىغۇ!› دەيسىلەر.» پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەنلەر بۇ ئىشلار توغرىسىدا ئۆزئارا پاراڭلاشتى. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىدى. پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇنىڭ ئىخلاسمەنلىرىنىڭ ۋە ئۇنىڭ نامىنىڭ شان-شەرىپىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ئىسمى ئورالما پۈتۈككە رويخەت قىلىپ پۈتۈلگەندۇر. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇكى: «مەن ھۆكۈمۈمنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان كۈندە ئۇلار ماڭا مەنسۇپ بولۇپ، مېنىڭ قىممەتلىك ئۆز خەلقىم بولىدۇ. خۇددى ئاتا ئۆزىنىڭ ئىتائەتلىك بالىسىغا رەھىم قىلغاندەك، مەنمۇ ئۇلارغا رەھىم قىلىمەن. شۇ چاغدا سىلەر مېنىڭ ھەققانىي ئادەم بىلەن رەزىل ئادەمنى، ماڭا خىزمەت قىلغان ئادەم بىلەن قىلمىغان ئادەمنى پەرقلەندۈرىدىغانلىقىمنى بىلىپ قالىسىلەر.» قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇكى: «بىر كۈن كېلىدۇكى، ئۇ كۈن خۇددى تونۇردىكى لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوتتەك بولىدۇ. شۇ كۈنى تەكەببۇرلار ۋە يامانلىق قىلغۇچىلار پاخالدەك كۆيدۈرۈپ تاشلىنىدۇ. ئۇلاردىن نە يىلتىز، نە شاخ-شۇمبىغىچە ھېچ نەرسە قالمايدۇ». «ئەمما مېنىڭ نامىمنى ھۆرمەتلىگەن سىلەرگە بولسا ئادالەتلىك قۇياش چىقىپ، شىپالىق نۇرلىرىنى چاچىدۇ. سىلەر يايلاققا قويۇۋېتىلگەن موزايلاردەك شادلىنىپ، سەكرەپ يۈرىسىلەر. مەن ھۆكۈمىمنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان كۈندە سىلەر يامانلىق قىلغۇچىلارنى خۇددى تاپىنىڭلار ئاستىدىكى كۈلدەك دەسسەيسىلەر» دېدى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار. «مەن سىناي تېغىدا خىزمەتكارىم مۇسا ئارقىلىق بارلىق ئىسرائىل خەلقىگە چۈشۈرگەن تەۋراتتىكى ئەمر-پەرمانلىرىمغا ئىتائەت قىلىشنى چىن قەلبىڭلارغا پۈكۈڭلار. بىلىپ قويۇڭلاركى، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغ ۋە قورقۇنچلۇق كۈنى كېلىشتىن بۇرۇن سىلەرگە ئىلياس پەيغەمبەرنى ئەۋەتىمەن. ئۇ ئاتىلارنى بالىلىرىغا، بالىلارنى ئاتىلىرىغا چىن يۈرەكلىرىدىن ياراشتۇرىدۇ. شۇنداق بولمىسا، مەن بۇ زېمىنغا لەنەت ياغدۇرىمەن.» ئەيسا مەسىھنىڭ ئەجدادلىرى: ئەيسا مەسىھ داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادى، داۋۇت پادىشاھ بولسا ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى. ئىبراھىم ئىسھاقنىڭ ئاتىسى، ئىسھاق ياقۇپنىڭ ئاتىسى، ياقۇپ يەھۇدا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئاتىسى، يەھۇدا تاماردىن تۇغۇلغان پارەس ۋە زەراھنىڭ ئاتىسى، پارەس ھېسروننىڭ ئاتىسى، ھېسرون رامنىڭ ئاتىسى، رام ئاممىنادابنىڭ ئاتىسى، ئاممىناداب ناھشوننىڭ ئاتىسى، ناھشون سالموننىڭ ئاتىسى، سالمون راھابتىن تۇغۇلغان بوئازنىڭ ئاتىسى، بوئاز رۇتتىن تۇغۇلغان ئوبىدنىڭ ئاتىسى، ئوبىد يىشاينىڭ ئاتىسى، يىشاي داۋۇت پادىشاھنىڭ ئاتىسى، داۋۇت پادىشاھ ئۇرىيانىڭ ئايالىدىن تۇغۇلغان سۇلايماننىڭ ئاتىسى، سۇلايمان رېھابامنىڭ ئاتىسى، رېھابام ئابىيانىڭ ئاتىسى، ئابىيا ئاسانىڭ ئاتىسى، ئاسا يەھوشافاتنىڭ ئاتىسى، يەھوشافات يورامنىڭ ئاتىسى، يورام ئۇزىيەنىڭ ئاتىسى، ئۇزىيە يوتامنىڭ ئاتىسى، يوتام ئاھازنىڭ ئاتىسى، ئاھاز ھىزىكىيەنىڭ ئاتىسى، ھىزىكىيە ماناسسەنىڭ ئاتىسى، ماناسسە ئاموننىڭ ئاتىسى، ئامون يوشىيەنىڭ ئاتىسى، يوشىيە ئىسرائىل ئەۋلادلىرى بابىلونغا سۈرگۈن قىلىنغاندا تۇغۇلغان يەكونيە ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئاتىسى، يەكونيە ئىسرائىللار بابىلونغا سۈرگۈن بولغاندىن كېيىن تۇغۇلغان شالتىيەلنىڭ ئاتىسى، شالتىيەل زېرۇبابىلنىڭ ئاتىسى، زېرۇبابىل ئابىھۇدنىڭ ئاتىسى، ئابىھۇد ئەلياقىمنىڭ ئاتىسى، ئەلياقىم ئازورنىڭ ئاتىسى، ئازور سادوقنىڭ ئاتىسى، سادوق ئاھىمنىڭ ئاتىسى، ئاھىم ئەلىھۇدنىڭ ئاتىسى، ئەلىھۇد ئەلئازارنىڭ ئاتىسى، ئەلئازار ماتاننىڭ ئاتىسى، ماتان ياقۇپنىڭ ئاتىسى، ياقۇپ مەريەمنىڭ ئېرى يۈسۈپنىڭ ئاتىسى، مەريەم مەسىھ دەپ ئاتالغان ئەيسانىڭ ئاپىسى. بۇنداق بولغاندا، ئىبراھىم پەيغەمبەردىن داۋۇت پادىشاھقىچە ئون تۆت ئەۋلاد، داۋۇت پادىشاھتىن ئىسرائىللار بابىلونغا سۈرگۈن قىلىنغۇچىمۇ ئون تۆت ئەۋلاد ۋە ئۇلار بابىلونغا سۈرگۈن بولغاندىن مەسىھ دۇنياغا كەلگەنگە قەدەر ئوخشاشلا ئون تۆت ئەۋلاد ئۆتكەن. ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا كېلىشى مۇنداق بولغان: مەريەم بىلەن يۈسۈپنىڭ چېيى ئىچكۈزۈلگەنىدى. بىراق، ئۇلار نىكاھلىنىپ بىرلىشىشتىن ئىلگىرى، مەريەمنىڭ مۇقەددەس روھتىن ھامىلىدار بولغانلىقى مەلۇم بولدى. مەريەمنىڭ لايىقى يۈسۈپ دۇرۇس ئادەم بولغاچقا، مەريەمنى خالايىق ئالدىدا نومۇسقا قالدۇرماسلىق ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن جىمجىتلا ئايرىلىپ كەتمەكچى بولدى. بىراق، ئۇ بۇ ئىشنى ئويلاپ يۈرگىنىدە، پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى ئۇنىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ: «ئەي داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادى يۈسۈپ، مەريەمنى ئەمرىڭگە ئېلىشتىن قورقما، چۈنكى تۇغۇلىدىغان بالا مۇقەددەس روھتىن كەلگەن. ئۇ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ. ئۇنىڭغا ئەيسا [مەنىسى «پەرۋەردىگار قۇتقۇزىدۇ»] دەپ ئىسىم قويغىن، چۈنكى ئۇ ئۆز خەلقىنى گۇناھلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ» دېدى. مانا بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەر ئارقىلىق: «پاك قىز ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ، ئۇنىڭ ئىسمى ئىممانۇئېل [مەنىسى «خۇدا بىز بىلەن بىللە»] قويۇلىدۇ» دېگەن سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىدۇر. يۈسۈپ ئويغىنىپ پەرىشتىنىڭ دېگىنىنى قىلىپ، مەريەمنى ئەمرىگە ئالدى. لېكىن، مەريەم بوشانغۇچە ئۇنىڭ بىلەن بىر ياستۇققا باش قويمىدى. بالا تۇغۇلغاندا، يۈسۈپ ئۇنىڭغا ئەيسا دەپ ئىسىم قويدى. ھەزرىتى ئەيسا ھىرود پادىشاھ زامانىسىدا يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ بەيتلەھەم يېزىسىدا دۇنياغا كەلدى. كېيىن، شەرقتىن بەزى مۇنەججىملەر يېرۇسالېمغا كېلىپ، كىشىلەرگە: - يەھۇدىيلارنىڭ يېڭىدىن تۇغۇلغان پادىشاھى قەيەردە؟ بىز ئۇنىڭ تۇغۇلغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدىغان يۇلتۇزنىڭ شەرقتىن كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆردۇق. شۇڭا، ئۇنىڭغا سەجدە قىلغىلى كەلدۇق، - دېيىشتى. بۇنى ئاڭلىغان ھىرود پادىشاھ ئالاقزادىلىككە چۈشتى. جۈملىدىن، پۈتكۈل يېرۇسالېم خەلقىمۇ شۇنداق بولدى. ھىرود پادىشاھ پۈتكۈل ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلاردىن: - پەيغەمبەرلەر قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ قەيەردە تۇغۇلىدۇ دېگەنىدى؟ - دەپ سورىدى. - يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ بەيتلەھەم يېزىسىدا، چۈنكى بۇ توغرۇلۇق مىكا پەيغەمبەر مۇنداق خاتىرىلىگەن: «ئەي يەھۇدىيە زېمىنىدىكى بەيتلەھەم، يەھۇدىيە رەھبەرلىرىنىڭ نەزىرىدە ئورنۇڭ مۇھىم. چۈنكى سەندىن چىققۇسى، خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ يېتەكچىسى» - دېيىشتى ئۇلار. بۇنىڭ بىلەن، ھىرود پادىشاھ مۇنەججىملەرنى مەخپىي چاقىرتىپ، يۇلتۇزنىڭ قاچان پەيدا بولغانلىقىنى ئۇقۇۋالدى. ئاندىن: «بېرىپ بالىنى كۆڭۈل قويۇپ ئىزدەڭلار. تاپقان ھامان ماڭا خەۋەر قىلىڭلار، مەنمۇ ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ سەجدە قىلىپ كېلەي» دەپ، ئۇلارنى بەيتلەھەمگە يولغا سالدى. مۇنەججىملەر ھىرود پادىشاھنىڭ سۆزىگە بىنائەن يولغا چىقتى. شەرقتىن كۆتۈرۈلگەن ھېلىقى يۇلتۇز ئۇلارغا يول باشلاپ ماڭدى، ئۇلار بالا تۇغۇلغان يەرگە كېلىپ توختىدى. ئۇلار ھېلىقى يۇلتۇزنى كۆرگىنىدىن ئىنتايىن خۇشال بولۇشتى ھەم ئۆيگە كىرىپ بالىنى ئانىسى مەريەم بىلەن بىللە كۆرگىنىدە، يەرگە باش قويۇپ بالىغا سەجدە قىلىشتى. ئاندىن، ساندۇقلىرىنى ئېچىپ، ئالتۇن، مەستەك، مۇرمەككى قاتارلىق سوۋغاتلارنى ئېلىپ سۇنۇشتى. ئۇلار قايتماقچى بولغاندا خۇدا ئۇلارنىڭ چۈشىدە ھىرود پادىشاھنىڭ يېنىغا بارماسلىققا بېشارەت بەرگەنلىكتىن، ئۇلار باشقا يول بىلەن ئۆز يۇرتىغا قايتىشتى. مۇنەججىملەر كەتكەندىن كېيىن، خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى يۈسۈپنىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ: - ئورنۇڭدىن تۇر! ئانا-بالا ئىككىسىنى ئېلىپ مىسىرغا قاچ. مەن ساڭا خەۋەر بەرگۈچە ئۇ يەردە تۇر. چۈنكى، ھىرود پادىشاھ بالىنى ئىزدەپ تېپىپ ئۆلتۈرمەكچى، - دېدى. بۇنىڭ بىلەن، يۈسۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئانا-بالا ئىككىسىنى ئېلىپ، شۇ كېچىلا مىسىرغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇلار ھىرود پادىشاھ ئۆلگۈچە شۇ يەردە تۇردى. بۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقان: «ئوغلۇمنى مىسىردىن مەن چاقىردىم» دېگەن سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. ھىرود پادىشاھ مۇنەججىملەرگە ئالدانغانلىقىنى سېزىپ، قاتتىق غەزەپلەندى. ئۇ مۇنەججىملەرنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئاساسەن بوۋاقنىڭ يېشىنى ھېسابلاپ چىقىپ، بەيتلەھەم يېزىسى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى ئىككى ياش ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ياشتىكى ئوغۇل بالىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. بۇنىڭ بىلەن، خۇدانىڭ يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقان مۇنۇ سۆزلىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: «رامادا ئاڭلاندى يىغا-زار ۋە پەرياد، قان يىغلايدۇ پەرزەنتلىرىگە راھىلە، تەسەللىگە قايىل ئەمەس پەقەتلا، چۈنكى قالمىدى پەرزەنتلىرى ھايات.» ھىرود پادىشاھ ئۆلگەندىن كېيىن، مىسىردا يۈسۈپنىڭ چۈشىدە خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى كۆرۈنۈپ: - ئورنۇڭدىن تۇر! بالا ۋە ئانىسىنى ئېلىپ ئىسرائىلىيىگە قايت! چۈنكى، بالىنىڭ جېنىنى ئالماقچى بولغانلار ئۆلدى، - دېدى. بۇنىڭ بىلەن، يۈسۈپ بالا ۋە ئانىسىنى ئېلىپ ئىسرائىلىيىگە قايتتى. بىراق، يۈسۈپ ھىرود پادىشاھنىڭ ئوغلى ئارخېلاسنىڭ پادىشاھلىق تەختكە ۋارىسلىق قىلىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىدە ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، قايتىشتىن قورقتى. كېيىن، ئۇ خۇدانىڭ بېشارىتىگە ئاساسەن جەلىلىيە ئۆلكىسىگە بېرىپ، ناسىرە شەھىرىگە ئورۇنلاشتى. بۇنىڭ بىلەن، پەيغەمبەرلەرنىڭ: «ئۇ ناسىرەلىك دەپ نام ئالىدۇ» دېگىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. شۇ چاغلاردا، چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ چۆللۈك رايونلىرىغا كېلىپ تەلىم بېرىپ، كىشىلەرگە: - يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىڭلار! چۈنكى، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى نامايان بولۇش ئالدىدا تۇرىدۇ! - دېدى. چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا ئىلگىرى يەشايا پەيغەمبەر تىلغا ئالغان كىشى بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېگەن: «باياۋاندا بىر كىشى: ˜دىلىڭلارنى رەببىمىزنىڭ كېلىشىگە تەييار قىلىڭلار! ئۇنىڭ يوللىرىنى تۈز قىلىڭلار!Œ دەپ توۋلايدۇ.» يەھيا پەيغەمبەر تۆگە يۇڭىدىن كىيىم كىيگەن، بېلىگە كۆن تاسما باغلىغانىدى. يەيدىغىنى چېكەتكە بىلەن ياۋا ھەرە ھەسىلى ئىدى. يېرۇسالېم شەھىرىدىن، جۈملىدىن پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن ۋە ئىئوردان دەريا ۋادىلىرىدىن كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ، گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىشتى ۋە ئۇنىڭ ئۆزلىرىنى ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشتى. پەرىسىي ۋە سادۇقىي ئېقىمىدىكىلەردىنمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغىلى كەلگەنلىكىنى كۆرگەن يەھيا پەيغەمبەر ئۇلارغا: - ئەي ساختىپەز يىلانلار! توۋا قىلماي، خۇدادىن كېلىدىغان غەزەپتىن قېچىپ قۇتۇلۇش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلايلى دېگىنىڭلار قانداق گەپ؟! ئەگەر: «گۇناھلىرىمىزغا توۋا قىلدۇق» دېسەڭلار، ئۇنى ھەرىكىتىڭلار بىلەن ئىسپاتلاڭلار. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزۈڭلارچە: «بىز ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خۇدا گۇناھلىرىمىزنى چوقۇم كەچۈرىدۇ» دەپ ئويلاپ يۈرمەڭلار! چۈنكى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، خۇدا بوۋىمىز ئىبراھىمغا مۇشۇ تاشلاردىنمۇ پەرزەنتلەرنى يارىتىپ بېرەلەيدۇ. پالتا دەرەخنىڭ يىلتىزىغا يېقىنلاشقاندەك، خۇدانىڭ غەزىپى ئەمدى سىلەرگە يېتىپ كېلىش ئالدىدا. ياخشى مېۋە بەرمەيدىغان دەرەخلەر كېسىلىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ. مەن سىلەرنى قىلغان توۋاڭلار ئۈچۈن سۇغىلا چۆمۈلدۈرىمەن. لېكىن، مەندىن كېيىن تېخىمۇ قۇدرەتلىك بىرى كېلىدۇ. مەن ھەتتا ئۇنىڭ ئايىغىنى كۆتۈرۈشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن. ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا ھەم ئوتقا چۆمۈلدۈرىدۇ. ئۇ قولىدىكى كۈرەك بىلەن خاماندىكى ساپ بۇغداينى ئامبارغا، سامىنىنى ئۆچمەس ئوتقا تاشلايدىغان ئادەمگە ئوخشاش، ھەممە ئىنساننى ئايرىيدۇ، - دېدى. شۇ كۈنلەردە، ھەزرىتى ئەيسا يەھيا پەيغەمبەردىن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن، جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن ئىئوردان دەرياسى بويىغا كەلدى. بىراق، يەھيا پەيغەمبەر ئۇنى چۆمۈلدۈرۈشكە ئۇنىماي: - سېنىڭ مېنىڭ ئالدىمغا كەلگىنىڭ نېمىسى! مەن چۆمۈلدۈرۈشنى ئەسلى سەندىن قوبۇل قىلىشىم كېرەك ئىدىغۇ؟ - دېدى. لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا جاۋابەن: - ھازىر مۇشۇنداق بولسۇن. چۈنكى، خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شۇنداق قىلىشىمىز توغرىدۇر، - دېدى. شۇنىڭ بىلەن، يەھيا پەيغەمبەر ئۇنى چۆمۈلدۈرۈشكە قوشۇلدى. ھەزرىتى ئەيسا چۆمۈلدۈرۈلۈپ سۇدىن چىقىشىغا، ئاسمان يېرىلدى. ئۇ خۇدانىڭ روھىنىڭ كەپتەر ھالىتىدە ئاسماندىن چۈشۈپ، ئۈستىگە قونۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئاندىن، ئەرشتىن خۇدانىڭ: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن!» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇنىڭدىن كېيىن، مۇقەددەس روھ ھەزرىتى ئەيسانى شەيتاننىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، چۆل-باياۋانغا ئېلىپ باردى. ھەزرىتى ئەيسا قىرىق كېچە-كۈندۈز تاماق يېمەي روزا تۇتۇپ، قورسىقى تازا ئاچقانىدى. ئۇنى سىنىماقچى بولغان شەيتان ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: - ئەگەر سەن راستتىنلا خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، مۇشۇ تاشلارنى نانغا ئايلاندۇرۇپ يە! - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: - تەۋراتتا: «ئىنسان پەقەت نان بىلەنلا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئاغزىدىن چىققان ھەربىر سۆز بىلەنمۇ ياشايدۇ» دەپ يېزىلغان، - دېدى. ئاندىن، شەيتان ھەزرىتى ئەيسانى مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى ۋە ئۇنى مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئېگىز جايىغا چىقىرىپ: - خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، پەسكە سەكرەپ باققىنا! چۈنكى زەبۇردا: «خۇدا پەرىشتىلىرىگە سەن توغرۇلۇق ئەمر قىلغان. پۇتۇڭنىڭ تاشلارغا ئۇرۇلماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلار سېنى قوللىرىدا تۇتۇۋالىدۇ» دەپ يېزىلغان ئەمەسمۇ؟ - دېدى. - تەۋراتتا: «رەببىڭلار خۇدانى سىناپ بېقىشقا بولمايدۇ!» دەپمۇ يېزىلغان، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. ئاندىن، شەيتان ھەزرىتى ئەيسانى ناھايىتى ئېگىز بىر تاغقا چىقىرىپ، ئۇنىڭغا دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنى كۆركەملىكى بىلەن كۆرسىتىپ: - يەرگە باش قويۇپ ماڭا سەجدە قىلساڭ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ساڭا بېرىۋېتىمەن، - دېدى. - يوقال، شەيتان! تەۋراتتا: «رەببىڭلار بولغان خۇداغىلا ئىبادەت قىلىڭلار، پەقەت ئۇنىڭغىلا خىزمەت قىلىڭلار!» دېيىلگەن، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا جاۋابەن. بۇنىڭ بىلەن، شەيتان ھەزرىتى ئەيسانى تاشلاپ كېتىپ قالدى. پەرىشتىلەر كېلىپ ھەزرىتى ئەيسانىڭ خىزمىتىدە بولدى. ھەزرىتى ئەيسا يەھيانىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ، جەلىلىيە ئۆلكىسىگە قايتىپ كەلدى. ئۇ يۇرتى ناسىرەدە تۇرماي، زەبۇلۇن ۋە نافتالى رايونىدىكى جەلىلىيە كۆلىگە يېقىن كەپەرناھۇم شەھىرىگە كېلىپ ئورۇنلاشتى. بۇنىڭ بىلەن، يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئۇقتۇرۇلغان تۆۋەندىكى سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: «زەبۇلۇن ۋە نافتالى زېمىنلىرى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ نېرىسىدا، دېڭىز تەرەپتە، يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ جەلىلىيە زېمىنلىرىدا قاراڭغۇلۇقتا ياشىغانلار پارلاق بىر نۇرنى كۆرمەكتە. ئۆلۈم كۆلەڭگىسىدە قالغان بۇ ئەلگە بىر نۇر چۈشىدۇ ئەمدى.» شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ھەزرىتى ئەيسا: «گۇناھلىرىڭلارغا توۋا قىلىڭلار، چۈنكى ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى نامايان بولۇش ئالدىدا تۇرىدۇ!» دەپ تەلىم بېرىشكە باشلىدى. بىر كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە كۆلى بويىدا كېتىۋېتىپ، پېترۇس دەپمۇ ئاتالغان سىمۇن ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئەندەرنى كۆردى. ئۇلار بېلىقچى بولۇپ، كۆلگە تور سېلىۋاتاتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - ماڭا ئەگىشىڭلار! مەن سىلەرنى بېلىق تۇتۇشنىڭ ئورنىغا، ماڭا ئادەم تۇتىدىغان قىلىمەن، - دېدى. ئۇلار شۇئان بېلىق تورلىرىنى تاشلاپ، ھەزرىتى ئەيسا بىلەن ماڭدى. كۆل بويىدا بىرئاز ماڭغاندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ياقۇپ ۋە يۇھاننانى كۆردى. بۇ ئىككى قېرىنداش كېمىدە ئاتىسى بىلەن تورلىرىنى ئوڭشاۋاتاتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىمۇ شاگىرتلىققا چاقىردى. ئۇلار دەرھال كېمىنى تاشلاپ، ئاتىسى بىلەن خوشلىشىپ ھەزرىتى ئەيسا بىلەن ماڭدى. ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيىنىڭ ھەممە يېرىنى ئايلىنىپ چىقىپ، ئىبادەتخانىلاردا تەلىم بېرىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرۇلۇق خۇش خەۋەر تارقاتتى، ھەر خىل ئاغرىق-سىلاقلارنى ساقايتتى. ئۇ توغرۇلۇق خەۋەر پۈتكۈل سۇرىيە ئۆلكىسىگە تارقالدى. ئۇ يەردىكى خالايىق ھەر خىل ئاغرىق-سىلاقلارغا مۇپتىلا بولغان كېسەللەرنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە جىن چاپلاشقان، بەزىلىرىنىڭ تۇتقاقلىقى بار ۋە يەنە بەزىلىرى پالەچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى ساقايتتى. جەلىلىيە، ئون شەھەر رايونى، يېرۇسالېم، يەھۇدىيە ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىن كەلگەن توپ-توپ ئادەملەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىكنى كۆرۈپ دۆڭگە چىقىپ، ئۇ يەردە ئولتۇردى. شاگىرتلىرىمۇ ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا تەلىم بېرىشكە باشلىدى: - ئۆزىنىڭ خۇداغا بولغان موھتاجلىقىنى تونۇپ يەتكەنلەر نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى ئۇلارنىڭدۇر. قايغۇرغانلار نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، خۇدا ئۇلارغا تەسەللى بېرىدۇ. مۇلايىم بولغانلار نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، يەر يۈزىگە مىراسخوردۇر ئۇلار. ھەققانىيلىققا ئىنتىلىدىغانلار نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، خۇدا ئۇلارنى تولۇق قانائەتلەندۈرىدۇ. باشقىلارغا رەھىمدىل بولغانلار نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، خۇدا ئۇلارغا رەھىمدىلدۇر. قەلبى پاك بولغانلار نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، ئۇلار خۇدانى كۆرىدۇ. تىنچلىق تەرەپدارلىرى نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، خۇدا ئۇلارنى پەرزەنتىم دەيدۇ. خۇدانىڭ ئەمرىنى تۇتۇپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى ئۇلارنىڭدۇر. مەن ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ھاقارەت، زىيانكەشلىك ۋە تۆھمىتىگە ئۇچرىساڭلار، نەقەدەر بەختلىكسىلەر! شاد-خۇرام بولۇڭلار. چۈنكى، ئەرشتە سىلەر ئۈچۈن كۆپ ئىنئام ساقلانماقتا. بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرمۇ مۇشۇنداق زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرىغان. - سىلەر يەر-يۈزىنىڭ تۇزىدۇرسىلەر. ھالبۇكى، ئەگەر تۇز ئۆز تەمىنى يوقاتسا، ئۇنىڭغا قايتىدىن تۇز تەمىنى كىرگۈزگىلى بولمايدۇ. ئۇ چاغدا، ئۇ ھېچنېمىگە يارىماس تاشلاندۇق نەرسىگە ئايلىنىپ، كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئاستىدا قېلىشتىن باشقا ئىشقا يارىمايدۇ. سىلەر دۇنيانىڭ نۇرىدۇرسىلەر. تاغ ئۈستىگە سېلىنغان شەھەر يوشۇرۇنالمايدۇ. يېقىلغان چىراغنى ھېچكىم داس ئاستىغا يوشۇرۇپ قويمايدۇ. ئەكسىچە، چىراغداننىڭ ئۈستىگە قويىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۆي ئىچىدىكى ئادەملەرگە يورۇقلۇق چۈشىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، سىلەرنىڭ نۇرۇڭلار ئىنسانلار ئالدىدا شۇنداق چاقنىسۇنكى، ئۇلار سىلەرنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىڭلارنى كۆرۈپ، ئەرشتىكى ئاتاڭلارغا مەدھىيىلەر ئوقۇسۇن. - مېنى تەۋرات قانۇنىنى ياكى پەيغەمبەرلەرنىڭ يازغانلىرىنى بىكار قىلغىلى كەلدى، دەپ قالماڭلار. مەن ئۇلارنى بىكار قىلغىلى ئەمەس، بەلكى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى كەلدىم. بىلىپ قويۇڭلاركى، ئاسمان-زېمىن مەۋجۇتلا بولىدىكەن، ئۇلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغۇچە، تەۋراتنىڭ بىر ھەرپى، ھەتتا بىرەر چېكىتىمۇ بىكار قىلىنمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، تەۋرات قانۇنىنىڭ ماددىلىرىدىن ھەتتا ئەڭ كىچىكلىرىگىمۇ خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلارغا شۇنداق قىلىشنى ئۆگەتكۈچىلەر ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىدىكى ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا ئەڭ ئەرزىمەس ھېسابلىنىدۇ. ئەكسىچە، تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلغانلار ۋە باشقىلارغا شۇنداق قىلىشنى ئۆگەتكۈچىلەر بولسا ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىدا ئۇلۇغ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر خۇداغا بويسۇنۇشتا تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەردىنمۇ ئېشىپ كەتمىسەڭلار، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىغا كىرەلمەيسىلەر. - ئەجدادلىرىمىزغا «قاتىللىق قىلما، قاتىللىق قىلغان ھەرقانداق ئادەم سوتقا تارتىلىدۇ» دېيىلگەن تەلىمنى ئاڭلىغانسىلەر. لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، قېرىنداشلىرىغا غەزەپلەنگەنلەرمۇ سوتقا تارتىلىدۇ. قېرىنداشلىرىنى «ئەخمەق» دەپ تىللىغانلار ئالىي كېڭەشمىدە جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ. قېرىنداشلىرىنى «تەلۋە» دەپ ھاقارەتلىگەنلەر ئوتلۇق دوزاخقا چۈشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر خۇداغا ھەدىيە ئاتىماقچى بولغىنىڭلاردا، قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ سىلەرگە قورساق كۆپۈكى بارلىقى يادىڭلارغا يەتسە، ھەدىيەڭلارنى قويۇپ تۇرۇپ، ئاۋۋال قېرىندىشىڭلار بىلەن يارىشىۋېلىڭلار، ئاندىن كېلىپ ھەدىيەڭلارنى ئاتاڭلار. ئەگەر ئۈستۈڭلاردىن ئەرز قىلماقچى بولغان بىرى بولسا، سوتقا چۈشۈشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن تېزدىن يارىشىۋېلىڭلار. بولمىسا، ئۇ سىلەرنى سوتچىغا، سوتچى بولسا گۇندىپايغا تاپشۇرۇپ زىندانغا سولىتىۋېتىدۇ. بىلىپ قويۇڭلاركى، قويۇلغان جەرىمانىنىڭ بىر تىيىنىنىمۇ قويماي تۆلىمىگۈچە، زىنداندىن چىقالمايسىلەر. - سىلەر «زىنا قىلماڭلار» دېگەن تەلىمنى ئاڭلىغان. لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، بىرەر ئايالغا شەھۋانىي كۆزى بىلەن قارىغان كىشى كۆڭلىدە ئۇ ئايال بىلەن زىنا قىلغان بولىدۇ. شۇڭا، ئەگەر ئوڭ كۆزۈڭ سېنى گۇناھقا ئازدۇرسا، ئۇنى ئويۇپ تاشلىۋەت. چۈنكى، پۈتۈن بەدىنىڭنىڭ دوزاخقا تاشلانغىنىدىن، بەدىنىڭدىكى بىر ئەزانىڭ نابۇت بولغىنى كۆپ ئەۋزەل. ئەگەر ئوڭ قولۇڭ سېنى گۇناھقا ئازدۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلىۋەت. چۈنكى، پۈتۈن بەدىنىڭنىڭ دوزاخقا كىرگىنىدىن كۆرە، بەدىنىڭدىكى بىر ئەزادىن ۋاز كەچكىنىڭ كۆپ ئەۋزەل. - سىلەر «كىمدەكىم ئايالىنى تالاق قىلسا، تالاق خېتىنى بەرسۇن» دېگەن تەلىمنىمۇ ئاڭلىغان. بىراق شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، بىر ئادەم ئۆز ئايالىنىڭ جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلىشىدىن باشقا ئىشىنى سەۋەب قىلىپ ئۇنى تالاق قىلسا ھەمدە تالاق قىلىنغان ئايال يەنە بىر ئەرگە تەگسە، تالاق قىلغان ئادەم ئۆز ئايالىنى زىناغا تۇتۇپ بەرگەن بولىدۇ. تالاق قىلىنغان ئايالنى ئەمرىگە ئالغان كىشىمۇ زىنا قىلغان بولىدۇ. - سىلەر ئەجدادلىرىڭلارغا «قەسەمدىن قايتما، پەرۋەردىگارىڭغا قىلغان قەسىمىڭدە تۇر» دېيىلگەن تەلىمنى ئاڭلىغان. لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، قەتئىي قەسەم قىلماڭلار. ئاسماننى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلماڭلار، چۈنكى ئەرش ئۇلۇغ پادىشاھ خۇدانىڭ تەختىدۇر. ياكى يەرنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلماڭلار، چۈنكى زېمىن خۇدانىڭ پۇت قويىدىغان يېرىدۇر. يېرۇسالېمنى تىلغا ئېلىپمۇ قەسەم قىلماڭلار، چۈنكى ئۇ يەر ئۇلۇغ خۇدانىڭ شەھىرىدۇر. ھەتتا ئۆز بېشىڭلارنى تىلغا ئېلىپمۇ قەسەم قىلماڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ چېچىڭلارنىڭ بىر تېلىنىمۇ ئاق ياكى قارا رەڭگە ئۆزگەرتىشكە قۇربىڭلار يەتمەيدۇ. پەقەت «ھەئە» دېگىنىڭلار «ھەئە»، «ياق» دېگىنىڭلار «ياق» بولسۇن. بۇنىڭدىن زىيادىسى شەيتاندىن كېلىدۇ. - سىلەر «قانغا قان، جانغا جان» دېگەن تەلىمنى ئاڭلىغان. لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەسكى بىلەن تەڭ بولماڭلار. بىرسى ئوڭ يۈزۈڭلارغا ئۇرسا، سول يۈزۈڭلارنىمۇ تۇتۇپ بېرىڭلار. بىرسى ئۈستۈڭلاردىن دەۋا قىلىپ، كۆڭلىكىڭلارنى ئالماقچى بولسا، چاپىنىڭلارنىمۇ سېلىپ بېرىڭلار. مۇبادا بىرى سىلەرگە يۈك-تاقىسىنى يۈدۈتۈپ بىر چاقىرىم يول يۈرۈشكە زورلىسا، يەنە بىر چاقىرىم ئارتۇق يول يۈرۈپ بېرىڭلار. بىرسى سىلەردىن بىرەر نەرسە تىلىسە، تىلىگىنىنى بېرىڭلار. بىرسى سىلەردىن بىرەر نەرسە ئارىيەت سورىسا، ئۇنى قۇرۇق قول قايتۇرماڭلار. - سىلەر «قوشناڭنى سۆي، دۈشمىنىڭگە نەپرەتلەن» دېگەن تەلىمنى ئاڭلىغان. لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەرگە دۈشمەنلىك قىلغانلارغىمۇ مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، زىيانكەشلىك قىلغانلارغا دۇئا قىلىڭلار. شۇنداق قىلغاندا، ئەرشتىكى ئاتاڭلار خۇدانىڭ ھەقىقىي پەرزەنتلىرىدىن بولالايسىلەر. چۈنكى، خۇدا قۇياش نۇرىنى ياخشىلارغىمۇ، يامانلارغىمۇ چۈشۈرىدۇ. يامغۇرنىمۇ ئادالەتلىكلەرگىمۇ، ئادالەتسىزلەرگىمۇ ياغدۇرىدۇ. ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارنى ياخشى كۆرگەنلەرگىلا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتسەڭلار، بۇنىڭ قانداقمۇ ئىنئامغا ئېرىشكۈچىلىكى بولسۇن؟ ھەتتا ئىنساپسىز باجگىرلارمۇ شۇنداق قىلىۋاتمامدۇ؟ ئەگەر سىلەر دوستلىرىڭلار بىلەنلا سالام-سەھەت قىلىشساڭلار، بۇنىڭ باشقىلاردىن نېمە پەرقى؟ ھەتتا بۇتپەرەسلەرمۇ شۇنداق قىلىدىغۇ! شۇڭا، ئەرشتىكى ئاتاڭلار مۇكەممەل بولغىنىدەك، سىلەرمۇ شۇنداق بولۇڭلار. - دىققەت قىلىڭلاركى، باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلماڭلار. بۇنداق قىلساڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارنىڭ ئىنئامىغا ئېرىشەلمەيسىلەر. خەير-ساخاۋەت قىلغىنىڭلاردا، داۋراڭ سالماڭلار. ساختىپەزلەرلا باشقىلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئىبادەتخانا ۋە كوچىلاردا شۇنداق قىلىدۇ. بىلىپ قويۇڭلاركى، ئۇلار شۇنداق قىلىپ باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىدىن باشقا ھېچقانداق ئىنئامغا ئېرىشەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، سەدىقە بەرگىنىڭلاردا ئوڭ قولۇڭلارنىڭ قىلىۋاتقىنىنى سول قولۇڭلار بىلمىسۇن. سەدىقەڭلارنى يوشۇرۇن بېرىڭلار. شۇنداق بولغاندا، يوشۇرۇن قىلىنغان ئىشلارنى بىلىپ تۇرغۇچى ئەرشتىكى ئاتاڭلار سىلەرگە ئىنئام بېرىدۇ. - دۇئا قىلغان ۋاقتىڭلاردا، باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن ئىبادەتخانا ياكى تۆت كوچا ئاغزىدا تۇرۇۋېلىپ دۇئا قىلىدىغان ساختىپەزلەردەك دۇئا قىلماڭلار. بىلىپ قويۇڭلاركى، ئۇلار شۇنداق قىلىپ باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىدىن باشقا ھېچقانداق ئىنئامغا ئېرىشەلمەيدۇ. دۇئا قىلغان ۋاقتىڭلاردا، ئۆيگە كىرىپ، ئىشىكنى يېپىپ، ئەرشتىكى كۆرۈنمەس ئاتاڭلارغا دۇئا قىلىڭلار. سەزدۈرمەستىن قىلىنغان بارلىق ئىشلارنى بىلىپ تۇرغۇچى ئەرشتىكى ئاتاڭلار جەزمەن سىلەرگە ئىنئام بېرىدۇ. دۇئا-تىلاۋەت قىلغاندا، بۇتپەرەسلەردەك قۇرۇق گەپلەرنى تەكرارلاۋەرمەڭلار. ئۇلار گەپنى تەكرارلاۋەرسەك خۇدا تەلىپىمىزنى ئىجابەت قىلىدۇ، دەپ ئويلىسا كېرەك. سىلەر ئۇلارنى دورىماڭلار. چۈنكى، ئەرشتىكى ئاتاڭلار سىلەرنىڭ ئېھتىياجىڭلارنى سىلەر تەلەپ قىلىشتىن ئاۋۋاللا بىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇنداق دۇئا قىلىڭلار: «ئى ئەرشتىكى ئاتىمىز، سېنىڭ نامىڭ ئۇلۇغلانغاي. پادىشاھلىقىڭ يەر يۈزىدە نامايان بولغاي. ئىرادەڭ ئەرشتىكىدەك يەر يۈزىدىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاي. كۈندىلىك يېمەكلىكىمىزنى بەرگەيسەن. بىزگە گۇناھ قىلغانلارنى كەچۈرگىنىمىزدەك، سەنمۇ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن. بىزنى ئازدۇرۇلۇشلاردىن ساقلاپ قالغايسەن. بىزنى يامانلىقتىن يىراق قىلغايسەن. » سىلەر باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرسەڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنى كەچۈرىدۇ. بىراق، سىلەر باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرمىسەڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنى كەچۈرمەيدۇ. - روزا تۇتقان ۋاقتىڭلاردا، ساختىپەزلەردەك قىياپەتكە كىرىۋالماڭلار. ئۇلار روزا تۇتقىنىنى كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن، ئۆزلىرىنى پەرىشان قىياپەتتە كۆرسىتىدۇ. شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، ئۇلار شۇنداق قىلىپ باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىدىن باشقا ھېچقانداق ئىنئامغا ئېرىشەلمەيدۇ. سىلەر روزا تۇتقاندا، چېچىڭلارنى مايلاپ، ئۆزۈڭلارنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرۈڭلار. شۇ چاغدا، پەقەت ئەرشتىكى كۆرۈنمەس ئاتاڭلاردىن باشقا ھېچكىم روزا تۇتقانلىقىڭلارنى سېزەلمەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن، سىلەرنىڭ يوشۇرۇن قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنىمۇ بىلىپ تۇرىدىغان ئەرشتىكى ئاتاڭلار جەزمەن سىلەرگە ئىنئام بېرىدۇ. - يەر يۈزىدە ئۆزۈڭلارغا بايلىق توپلىماڭلار. چۈنكى، بۇ يەردە يا كۈيە يەپ تۈگىتىدۇ، يا داتلىشىپ تۈگەيدۇ ياكى ئوغرى ئوغرىلاپ كېتىدۇ. ئەكسىچە، ئەرشتە ئۆزۈڭلارغا بايلىق توپلاڭلار. ئۇ يەردە كۈيە يېمەيدۇ، داتلاشمايدۇ، ئوغرىمۇ ئالمايدۇ. بايلىقىڭلار قەيەردە بولسا، قەلبىڭلارمۇ شۇ يەردە بولىدۇ. كۆز تەننىڭ چىرىغىدۇر. ئەگەر كۆزۈڭلار ياخشى بولسا، يەنى كۆزۈڭلار خۇدادا بولسا، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار يورۇقلۇق بىلەن تولىدۇ. ئەگەر كۆزۈڭلار يامان بولسا پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلارنى قاراڭغۇلۇق باسىدۇ. ئەگەر ھاياتىڭلاردىكى «يورۇقلۇق» ئەمەلىيەتتە قاراڭغۇلۇق بولسا، ئۇ قاراڭغۇلۇق نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق-ھە! ئىككى خوجايىنغا تەڭ خىزمەت قىلالايدىغان ھېچقانداق كىشى يوق. ئۇ ياكى بۇنى يامان كۆرۈپ، ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ياكى بۇنىڭغا ئېتىبار بېرىپ، ئۇنىڭغا سەل قارايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ھەم خۇدانىڭ، ھەم مال-دۇنيانىڭ قۇلى بولۇشۇڭلار مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا بىلىپ قويۇڭلاركى، تۇرمۇشۇڭلارغا كېرەكلىك يېمەك-ئىچمەك ياكى ئۇچاڭلارغا كىيىدىغان كىيىم-كېچەكتىن غەم قىلماڭلار. ھاياتلىق يېمەكتىن، تەن كىيىم-كېچەكتىن كۆپ ئەزىز ئەمەسمۇ؟ كۆكتىكى ئۇچارقاناتلارغا قاراڭلار! ئۇلار تېرىمايدۇ، يىغمايدۇ، ئامباردا ئوزۇقمۇ ساقلىمايدۇ. ئەرشتىكى ئاتاڭلار ئۇلارنىمۇ ئاچ قويمىغان يەردە، سىلەرنىڭ رىزقىڭلارنى چوقۇم بېرىدۇ. چۈنكى، سىلەر ئاشۇ قۇشلاردىن كۆپ ئەزىز ئەمەسمۇ؟ ئاراڭلاردا قايسىڭلار غەم-قايغۇ بىلەن ئۆمرۈڭلارنى كىچىككىنە ئۇزارتالايسىلەر؟ كىيىم-كېچەك ئۈچۈن غەم قىلىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟! دالادىكى ياۋا گۈللەرنىڭ قانداق ئۆسىدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار! ئۇلار ئىشمۇ قىلمايدۇ، كىيىممۇ تىكمەيدۇ؛ لېكىن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، ھەتتا ئۇلۇغ پادىشاھ سۇلايماننىڭ ھەشەمەتلىك تونلىرىمۇ بۇ ياۋا گۈللەرنىڭ گۈزەللىكىگە تەڭ كېلەلمەيدۇ. ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار! خۇدادىن نېمىشقا گۇمانلىنىۋاتىسىلەر؟ دالادىكى بۈگۈنى ئېچىلسا، ئەتىسى قۇرۇپ ئوچاققا قالىنىدىغان ئاشۇ گۈل-گىياھلارنى ئاشۇنچە بېزىگەن خۇدا سىلەرنى تېخىمۇ كىيىندۈرمەسمۇ؟ شۇنداق ئىكەن، «نېمە يەيمىز، نېمە ئىچىمىز، نېمە كىيىمىز؟» دەپ غەم قىلماڭلار. يەھۇدىي ئەمەسلەر مانا شۇ نەرسىلەر ئۈچۈن ئىزدىنىدۇ. بىراق، ئەرشتىكى ئاتاڭلار سىلەرنىڭ بۇ نەرسىلەرگە موھتاجلىقىڭلارنى بىلىدۇ. شۇنداق ئىكەن، ھەممىدىن مۇھىمى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ھەققانىيلىقى ھەققىدە ئىزدىنىڭلار. ئۇ چاغدا، خۇدا سىلەرگە مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوشۇپ تەقدىم قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەتىدىن غەم قىلماڭلار. ئەتىنىڭ غېمى ئەتىگە قالسۇن. ھەر كۈننىڭ دەردى شۇ كۈنگە يېتىدۇ. - باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىپ يۈرمەڭلار. بولمىسا، سىلەرمۇ خۇدانىڭ ھۆكۈمىگە ئۇچرايسىلەر. چۈنكى، سىلەر باشقىلار ئۈستىدىن قانداق ئۆلچەم بىلەن ھۆكۈم قىلساڭلار، خۇدامۇ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ. سىلەر باشقىلارغا قانداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بەرسەڭلار، خۇدامۇ سىلەرگە شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بېرىدۇ. نېمە ئۈچۈن بۇرادىرىڭنىڭ ھەرە كېپىكىدەك كىچىك سەۋەنلىكىنىلا كۆرۈپ، ئۆزۈڭدىكى لىمدەك چوڭ گۇناھنى كۆرمەيسەن؟! ئۆزۈڭدە شۇنچە چوڭ گۇناھ تۇرۇقلۇق، بۇرادىرىڭگە: «كۆزۈڭدىكى ھەرە كېپىكىنى ئېلىۋېتەي!» دېگىنىڭ قانداق گەپ؟ ئەي ساختىپەز! ئاۋۋال ئۆزۈڭنىڭ كۆزىدىكى لىمنى ئېلىۋەت. بۇنىڭ بىلەن، ئېنىق كۆرۈپ، بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى ھەرە كېپىكىنى ئېلىۋېتەلەيسەن. - ئىتقا مۇقەددەس نەرسىنى بەرمەڭلار ياكى توڭگۇزنىڭ ئالدىغا ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى تاشلاپ قويماڭلار. چۈنكى، ئىت كەينىگە بۇرۇلۇپ سىلەرنى تالايدۇ؛ توڭگۇز ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى ئاياغ ئاستىدا دەسسەپ يانجىيدۇ. - دۇئا قىلىپ تىلەڭلار، خۇدا تىلىگىنىڭلارنى بېرىدۇ. ئىزدەڭلار، تاپىسىلەر. ئىشىكنى قېقىڭلار، ئېچىلىدۇ. چۈنكى، تىلىگەنلەر ئېرىشىدۇ، ئىزدىگەنلەر تاپىدۇ، ئىشىكنى قاققانلارغا ئىشىك ئېچىلىدۇ. ئەگەر ئوغلۇڭلار نان تەلەپ قىلسا، سىلەر ئۇنىڭغا تاش بېرەتتىڭلارمۇ؟ بېلىق تەلەپ قىلسا، يىلان بېرەتتىڭلارمۇ؟ گۇناھكار بولغان سىلەر پەرزەنتلىرىڭلارغا ياخشى نەرسىلەرنى بېرىشنى بىلگەن يەردە، ئەرشتىكى ئاتاڭلار تىلىگەنلەرگە ياخشى نەرسىلەرنى تېخىمۇ ئىلتىپات قىلماسمۇ؟ باشقىلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى كۈتسەڭلار، سىلەرمۇ ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭلار. تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىماتلىرى مانا شۇ. - تار دەرۋازىدىن كىرىڭلار. چۈنكى، كىشىنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان دەرۋازا كەڭ، يول ئاسان بولۇپ، بۇ دەرۋازىدىن كىرىدىغانلار كۆپ. بىراق، ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان دەرۋازا تار، يول تەس بولۇپ، ئۇنى ئىزدەپ تاپالايدىغانلارمۇ ئاز. - ئالدىڭلارغا قوي تېرىسىگە ئورىنىۋېلىپ كەلگەن، ئىچى يىرتقۇچ چىلبۆرىدەك ساختا پەيغەمبەرلەردىن ھوشيار بولۇڭلار. سىلەر ئۇلارنى «مېۋىلىرى»~دىن تونۇۋالالايسىلەر. تىكەندىن ئۈزۈم، قامغاقتىن ئەنجۈر ئالغىلى بولمايدۇ. ياخشى دەرەخ ياخشى مېۋە بېرىدۇ، يامان دەرەخ يامان مېۋە بېرىدۇ. ياخشى دەرەخ يامان مېۋە بەرمەيدۇ. يامان دەرەخ ياخشى مېۋە بەرمەيدۇ. ياخشى مېۋە بەرمەيدىغان ھەربىر دەرەخ كېسىلىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، ساختا پەيغەمبەرلەرنى ئۇلارنىڭ «مېۋىلىرى»~دىن تونۇۋالالايسىلەر. - مېنى «رەببىم، رەببىم» دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىلا ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىغا كىرەلمەيدۇ. پەقەت ئەرشتىكى خۇدائاتامنىڭ ئىرادىسىنى ئادا قىلغانلارلا كىرەلەيدۇ. قىيامەت كۈنىدە نۇرغۇن كىشىلەر ماڭا: «رەببىم، رەببىم، بىز سېنىڭ نامىڭ بىلەن خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزدۇق» ۋە «سېنىڭ نامىڭ بىلەن جىنلارنى قوغلىدۇق، نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى كۆرسەتتۇق» دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇ چاغدا مەن ئۇلارغا: «سىلەرنى ئەزەلدىن تونۇمايمەن. كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار، ئەي يامانلىق قىلغۇچىلار» دەيمەن. - دېمەك، بۇ سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلغانلار ئىمارەتنى قورام تاش ئۈستىگە سالغان ئەقىللىق كىشىلەرگە ئوخشايدۇ. بوران سوقۇپ، يامغۇر ئۇرۇپ، كەلكۈن كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئۇ ئىمارەت ئۆرۈلمەيدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ ئۇلى قورام تاشنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان. بىراق، سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، ئەمەل قىلمايدىغانلار ئىمارەتنى قۇمنىڭ ئۈستىگە قۇرغان ئەخمەقلەرگە ئوخشايدۇ. ئۇنداق ئىمارەت بوران، يامغۇر ۋە كەلكۈننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ، ئۆرۈلگەندىمۇ ئىنتايىن پاجىئەلىك ئۆرۈلىدۇ! ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلىرىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، خالايىق ئۇنىڭ تەلىملىرىگە ھەيران قېلىشتى. چۈنكى، ھەزرىتى ئەيسانىڭ تەلىملىرى نوپۇزلۇق ئىدى، تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭكىگە ئوخشىمايتتى. ھەزرىتى ئەيسا تاغدىن چۈشكەندە، توپ-توپ كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر كىشى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ، تىزلىنىپ: - تەقسىر، ئەگەر خالىسىڭىز، مېنى كېسىلىمدىن ساقايتىپ پاك قىلغايسىز! - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزۈپ تۇرۇپ: - خالايمەن، پاك بولغىن، - دېۋىدى، بۇ ئادەمنىڭ بەدىنىدىكى ماخاۋ كېسىلى شۇئان ساقايدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ھازىر بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنما، لېكىن ئۇدۇل مەركىزىي ئىبادەتخانىغا بېرىپ روھانىيغا ئۆزۈڭنىڭ ساقايغانلىقىڭنى كۆرسەت. ئاندىن، بۇنى باشقىلارغا ئىسپاتلاش ئۈچۈن، مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئەمرى بويىچە ماخاۋ كېسىلىدىن ساقايغانلار قىلىشقا تېگىشلىك قۇربانلىقنى قىل، - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا كەپەرناھۇم شەھىرىگە بارغاندا، رىملىق بىر يۈزبېشى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، شاپائەت تىلەپ: - تەقسىر، چاكىرىم پالەچ بولۇپ قالدى، ناھايىتى ئازاب ئىچىدە ئۆيدە ياتىدۇ، - دېدى. - مەن بېرىپ ئۇنى ساقايتىپ بېرەي، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. يۈزبېشى: - تەقسىر، ئۆيۈمگە كېلىشىڭىزگە ئەرزىمەيمەن. پەقەت بىر ئېغىزلا سۆز قىلىپ قويسىڭىز، چاكىرىم ساقىيىپ كېتىدۇ. مېنىڭمۇ ئۈستۈمدە باشلىقىم، قول ئاستىمدا لەشكەرلىرىم بار. بىرىگە بار دېسەم بارىدۇ، بىرىگە كەل دېسەم، كېلىدۇ. چاكىرىمغا بۇ ئىشنى قىل دېسەم، ئۇ شۇ ئىشنى قىلىدۇ، - دېدى. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، ھەيران بولغان ھەزرىتى ئەيسا بىللە كەلگەنلەرگە: - بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇنداق ئىشەنچنى ئىسرائىللار ئىچىدە ئۇچراتمىغانىدىم. سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، مەشرىق ۋە مەغرىبتىن نۇرغۇن يەھۇدىي ئەمەسلەر كېلىپ، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىدا ئەجدادلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرىدۇ. لېكىن، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ مىراسخورلىرى بولغان نۇرغۇن يەھۇدىيلار تاشقىرىغا، قاراڭغۇلۇققا ھەيدىلىپ، ئۇ يەردە ھەسرەتتە يىغلاپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ، - دېدى. ئاندىن، يۈزبېشىغا: - ئۆيۈڭگە قايت، ئىشەنگىنىڭدەك بولىدۇ، - دېدى. ھېلىقى چاكارنىڭ كېسىلى شۇئان سەللىمازا ساقىيىپ كەتتى. ھەزرىتى ئەيسا پېترۇسنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، پېترۇسنىڭ قېينانىسىنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغانىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇشى بىلەنلا قىزىتمىسى يېنىپ كەتتى. ئۇ ئايال دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ھەزرىتى ئەيسانى كۈتۈشكە باشلىدى. قاراڭغۇ چۈشكەندە، كىشىلەر جىن چاپلاشقان نۇرغۇن ئادەملەرنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ھەزرىتى ئەيسا بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا ئۇلاردىكى جىنلارنى قوغلىۋەتتى ۋە كېسەللەرنىڭ ھەممىسىنى ساقايتتى. بۇنىڭ بىلەن، يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئۇقتۇرۇلغان: «ئاغرىق-سىلاقلىرىمىزنى ئۇ كۆتۈردى، كېسەللىرىمىزنى ئۈستىگە ئالدى» دېگەن سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئەتراپىغا ئولىشىۋالغان كىشىلەرنى كۆرۈپ، شاگىرتلىرىغا كۆلنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتۈپ كېتىشنى بۇيرۇدى. شۇ چاغدا، تەۋرات ئۇستازلىرىدىن بىرى كېلىپ، ئۇنىڭغا: - ئۇستازىم، سىز قەيەرگە بارماڭ، مەن سىزگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، - دېدى. بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - تۈلكىنىڭ ئۆڭكۈرى، قۇشنىڭ ئۇۋىسى بار. بىراق، ئىنسانئوغلىنىڭ بېشىنى قويغۇدەك يېرىمۇ يوق، - دېدى. يەنە بىر شاگىرتى ھەزرىتى ئەيساغا: - ئۇستاز، ئاتام ئۆلۈپ ئۇنى يەرلىككە قويغۇچە كۈتۈپ، ئاندىن سىزگە ئەگىشەيچۇ! - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ماڭا ئەگەشكىن! ئۆلگەنلەرنى روھى ئۆلۈكلەر ئۆزلىرى يەرلىككە قويسۇن، - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا كېمىگە چۈشتى، شاگىرتلىرىمۇ چۈشۈپ بىللە ماڭدى. كۆل ئۈستىدە ئۇشتۇمتۇت قاتتىق بوران چىقىپ كەتكەچكە، دولقۇنلار كېمىدىن ھالقىپ كەتتى. بۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسا ئۇخلاۋاتاتتى. شاگىرتلار ئۇنى ئويغىتىپ: - ئۇستاز، غەرق بولۇش ئالدىدا تۇرىمىز، بىزنى قۇتۇلدۇرغايسىز! - دېدى. - نېمانچە قورقىسىلەر، ئىشەنچىڭلار نېمىدېگەن ئاجىز! - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ، بوران-چاپقۇن ۋە دولقۇنلارغا بۇيرۇق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، بوران ۋە دولقۇنلار پۈتۈنلەي تىنچىدى. شاگىرتلار ئىنتايىن ھەيران بولۇپ، بىر-بىرىگە: - بۇ زادى قانداق ئادەمدۇ؟ ھەتتا بوران ۋە دولقۇنلارمۇ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىكەن-ھە! - دەپ كېتىشتى. ھەزرىتى ئەيسا كۆلنىڭ ئۇ قېتىدىكى گادارا دېگەن جايغا بارغىنىدا، ئۇنىڭغا جىن چاپلاشقان ئىككى كىشى يولۇقتى. گۆر قىلىنىدىغان ئۆڭكۈرلەرنى ماكان تۇتقان بۇ ئىككى كىشى شۇنچە ۋەھشىي ئىدىكى، ھېچكىم بۇ يەردىن ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلالمايتتى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى كۆرگەن ھامان: - ئى خۇدانىڭ ئوغلى، ئىشىمىزغا ئارىلاشما! سەن ۋاقىت-سائىتى كەلمەستىنلا بىزنى قىينىغىلى كەلدىڭمۇ؟ - دەپ توۋلىدى. شۇ ئەتراپتا چوڭ بىر توپ توڭگۇز پادىسى ئوزۇقلىنىپ يۈرەتتى. جىنلار ھەزرىتى ئەيساغا يالۋۇرۇپ: - ئەگەر سەن بىزنى ھەيدەپ چىقارماقچى بولساڭ، توڭگۇز پادىسىغا كىرگۈزۈۋەتكىن، - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا: - چىقىڭلار! - دېۋىدى، جىنلار چىقىپ، توڭگۇزلارنىڭ تېنىگە كىرىپ كەتتى. پۈتۈن توڭگۇز پادىسى پاتىپاراق بولۇپ، يۈگۈرگەن پېتى تىك ياردىن چۈشۈپ، كۆلگە غەرق بولدى. توڭگۇز باققۇچىلار شەھەرگە قېچىپ كىرىپ، بۇ ئىشنىڭ باش-ئاخىرىنى ۋە جىن چاپلاشقان كىشىلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى خالايىققا تارقاتتى. شۇنىڭ بىلەن، پۈتۈن شەھەردىكىلەر ھەزرىتى ئەيسا بىلەن كۆرۈشۈشكىلى چىقتى. ئۇلار ئۇنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ بۇ يەردىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى. ھەزرىتى ئەيسا كېمىگە چۈشۈپ كۆلدىن ئۆتۈپ، ئۆزى تۇرغان شەھەر كەپەرناھۇمغا قايتىپ كەلدى. كىشىلەر زەمبىلگە ياتقۇزۇلغان بىر پالەچنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى كۆرگەن ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى پالەچكە: - ئوغلۇم، خاتىرجەم بول، گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى، - دېدى. بىرقانچە تەۋرات ئۇستازلىرى كۆڭلىدە «بۇ ئادەم كۇپۇرلۇق قىلدى» دەپ ئويلىدى. ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - نېمە ئۈچۈن يامان ئويدا بولىسىلەر؟ «گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى» دېيىش ئاسانمۇ ياكى «ئورنۇڭدىن تۇر، ماڭ!» دېيىشمۇ؟ ئەلۋەتتە، ئېيتماق ئاسان، قىلماق تەس. ئەمما، ھازىر ئىنسانئوغلىنىڭ يەر يۈزىدە گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەي، - دېدى. ئاندىن، پالەچ كېسەلگە: - ئورنۇڭدىن تۇر، ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيۈڭگە قايت، - دەپ بۇيرۇدى. ھېلىقى ئادەم ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆيىگە قايتتى. بۇنى كۆرگەن كۆپچىلىك قورقۇشۇپ، ئىنسانغا بۇنداق ھوقۇقنى بەرگەن خۇداغا مەدھىيىلەر ئوقۇشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن چىقىپ ئالدىغا قاراپ كېتىۋاتقاندا، بىر باجگىرنى كۆردى. ئۇنىڭ ئىسمى مەتتا بولۇپ، باج يىغىدىغان جايدا ئولتۇراتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ماڭا ئەگەشكىن! - دېدى. مەتتا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەشتى. ھەزرىتى ئەيسا مەتتانىڭ ئۆيىدە مېھماندارچىلىقتا بولۇۋاتقاندا، نۇرغۇن باجگىرلار ۋە گۇناھكار دەپ قارالغان بىر قىسىم كىشىلەرمۇ كىرىپ، ھەزرىتى ئەيسا ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى بىلەن ھەمداستىخان بولدى. بۇنى كۆرگەن پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا: - ئۇستازىڭلارنىڭ باجگىر ۋە گۇناھكارلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغىنى قانداق گەپ؟! - دېيىشتى. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ھەزرىتى ئەيسا: - ساغلام ئادەم ئەمەس، بەلكى كېسەل ئادەملا تېۋىپقا موھتاجدۇر. مۇقەددەس يازمىلاردا: «مەن قۇربانلىق قىلىشىڭلارنى ئەمەس، رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىشىڭلارنى ئىستەيمەن» دېيىلگەن. سىلەر بېرىپ بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى ئۆگىنىڭلار. مەن ئۆزلىرىنى دۇرۇس ھېسابلايدىغانلارنى ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تونۇيدىغانلارنى چاقىرغىلى كەلدىم، - دېدى. شۇ ۋاقىتلاردا، يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى كېلىپ، ھەزرىتى ئەيساغا: - بىز ۋە پەرىسىيلەر روزا تۇتىمىز، سىزنىڭ شاگىرتلىرىڭىز نېمىشقا تۇتمايدۇ؟ - دەپ سوراشتى. ھەزرىتى ئەيسا جاۋابەن مۇنداق دېدى: - تويى بولۇۋاتقان يىگىت تېخى توي زىياپىتىدە تۇرغان چاغدا، مېھمانلار ھازا تۇتۇپ ئولتۇرسا قانداق بولغىنى!؟ ئەلۋەتتە بولمايدۇ! ئەمما يىگىتنىڭ ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدىغان كۈنى كېلىدۇ، ئەنە شۇ چاغدا ئۇلار قايغۇ-ھەسرەت چەككىنىدىن روزا تۇتىدۇ. ھېچكىم كونا كۆڭلەككە كىرىشىپ كېتىدىغان يېڭى رەختتىن ياماق سالمايدۇ. ئۇنداق قىلسا، كىيىم يۇيۇلغاندا يېڭى ياماق كىرىشىپ، كىيىمنى يىرتىپ تاشلايدۇ. نەتىجىدە، يىرتىق تېخىمۇ يوغىناپ كېتىدۇ. شۇنىڭدەك، ھېچكىم يېڭى شارابنى كونا تۇلۇمغا قاچىلىمايدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلسا، يېڭى شارابنىڭ كۆپۈشى بىلەن تۇلۇم يېرىلىدۇ-دە، شارابمۇ تۆكۈلۈپ كېتىدۇ. دېمەك، تۇلۇممۇ كاردىن چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، يېڭى شارابنى يېڭى تۇلۇمغا قاچىلاش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا، ھەر ئىككىلىسىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. ھەزرىتى ئەيسا يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرىغا بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقان ۋاقتىدا، مەلۇم بىر ئىبادەتخانىنىڭ بىر مەسئۇلى كېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ: - مېنىڭ قىزىم ھازىرلا ئۆلۈپ كەتتى، سىز بېرىپ ئۇنىڭغا قولىڭىزنى تەگكۈزۈپ قويسىڭىز، ئۇ تىرىلىدۇ، - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ، شاگىرتلىرىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە باردى. يولدا خۇن تەۋرەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا ئون ئىككى يىل بولغان بىر ئايال ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئارقا تەرىپىدىن كېلىپ، ئۇنىڭ چاپىنىنىڭ پېشىنى سىلىدى. ئۇ ئىچىدە «ھەزرىتى ئەيسانىڭ چاپىنىنى تۇتساملا، چوقۇم ساقىيىپ كېتىمەن» دەپ ئويلىغانىدى. ھەزرىتى ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئۇنىڭغا قاراپ: - قىزىم، خاتىرجەم بول، ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى! - دېيىشىگىلا، ھېلىقى ئايال ساقىيىپ كەتتى. ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى ئىبادەتخانا مەسئۇلىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، نەي چېلىۋاتقان ۋە ھازا تۇتۇپ يىغلاۋاتقان ئادەملەر توپىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا: - چىقىپ كېتىڭلار، بۇ قىز ئۆلمىدى، ئۇخلاپ قاپتۇ، - دېدى. بىراق، خالايىق ئۇنى مەسخىرە قىلدى. كىشىلەر چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا قىز ياتقان ئۆيگە كىرىپ، ئۇنىڭ قولىدىن تارتتى. قىز ئورنىدىن تۇردى. بۇ خەۋەر پۈتۈن ئەتراپقا تارقالدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىۋاتقاندا، ئىككى قارىغۇ ئۇنىڭ كەينىدىن كېلىپ: - ئى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى، بىزگە رەھىم قىلغايسىز! - دەپ ۋارقىراپ كەتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، ھېلىقى ئىككى قارىغۇ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن: - سىلەر مېنىڭ سىلەرنى ساقايتىشقا قادىر ئىكەنلىكىمگە ئىشىنەمسىلەر؟ - دەپ سورىدى. - ئى رەببىم، ئىشىنىمىز، - دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە قولىنى تەگكۈزۈپ تۇرۇپ: - ئىشەنگىنىڭلاردەك بولسۇن! - دېيىشىگىلا، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئېچىلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنماڭلار! - دەپ قاتتىق تاپىلىدى. لېكىن، ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپلا، بۇ ئىشنى ئەتراپقا يېيىۋەتتى. ئۇلار چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، جىن چاپلاشقان بىر گاچا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭدىكى جىننى قوغلىشى بىلەنلا، ھېلىقى ئادەم زۇۋانغا كەلدى. خالايىق ھەيران بولۇپ: - بۇنداق ئىش ئىسرائىلىيىدە زادى كۆرۈلۈپ باقمىغان، - دېيىشتى. لېكىن، پەرىسىيلەر: - ئۇ جىنلارنى ئۇلارنىڭ باشلىقىغا تايىنىپ ھەيدەيدىكەن، - دېيىشتى. ھەزرىتى ئەيسا پۈتۈن شەھەر، يېزا-قىشلاقلارنى ئارىلاپ، ھەرقايسى ئىبادەتخانىلاردا تەلىم بېرىپ، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىغا دائىر خۇش خەۋەرنى تارقاتتى ۋە خەلق ئىچىدىكى ھەر خىل كېسەللىك ۋە ئاغرىق-سىلاقلارنى ساقايتتى. ئۇ توپ-توپ ئادەملەرنى كۆرۈپ ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتتى، چۈنكى ئۇلار قويچىسىز قوي پادىلىرىدەك پاناھسىز بىچارىلەر ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ شاگىرتلىرىغا: - قۇتقۇزۇلۇشقا ئىنتىلىدىغانلار مول ھوسۇلدەك كۆپ، بىراق ھوسۇلنى ئېلىش ئۈچۈن ئىشلەيدىغانلار ئاز ئىكەن. ھوسۇلنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدادىن كۆپرەك ئىشچى ئەۋەتىپ، ھوسۇلنى يىغىۋېلىشنى تىلەڭلار، - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا ئون ئىككى شاگىرتىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا جىنلارنى ھەيدەش ۋە ھەر خىل ئاغرىق-سىلاقلارنى ساقايتىش ھوقۇقىنى بەردى. بۇ ئون ئىككى شاگىرتنىڭ ئىسىملىرى مۇنداق: پېترۇس دەپمۇ ئاتالغان سىمۇن ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئەندەر، زەبەدىينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى يۇھاننا، فىلىپ ۋە بارتولوماي، توماس ۋە باجگىر مەتتا، ھالپاينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە تاداي، ۋەتەنپەرۋەر دەپ ئاتالغان سىمۇن ۋە ھەزرىتى ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدا ئىشقارىيوت. ھەزرىتى ئەيسا بۇ ئون ئىككى شاگىرتىنى خەلقنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتىشتىن ئاۋۋال، ئۇلارغا مۇنداق تاپىلىدى: - يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ زېمىنلىرىغا بارماڭلار. سامارىيىلىكلەرنىڭ شەھەرلىرىگىمۇ بارماڭلار. ئۇنىڭدىن كۆرە، خۇدانىڭ يوقالغان قوي پادىلىرى، يەنى ئىسرائىللار ئارىسىغا بېرىڭلار. بارغان يېرىڭلاردا: «ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى نامايان بولۇش ئالدىدا تۇرىدۇ!» دەپ جاكارلاڭلار. كېسەللەرنى ساقايتىڭلار، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈڭلار، ماخاۋ كېسەللىرىنى ساقايتىڭلار، جىنلارنى ھەيدىۋېتىڭلار. بۇ ئىمتىيازلارنى ھەقسىز ئالغانىكەنسىلەر، ھەقسىز ئىشلىتىڭلار. ھەميانىڭلاردا ئالتۇن، كۈمۈش ۋە مىس پۇللارنى ئېلىپ يۈرمەڭلار. سەپەرگە چىققاندا نە خۇرجۇن، نە بىرەر ئارتۇق كۆڭلەك، نە ئاياغ، نە ھاسا ئېلىۋالماڭلار. چۈنكى، خىزمەتكار كىمگە خىزمەت قىلسا، شۇنىڭدىن ئىش ھەققى ئېلىشقا ھەقلىق. بىرەر شەھەر ياكى يېزىغا بارغان ۋاقتىڭلاردا، ئالدى بىلەن ئۇ يەردە سىلەرنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغان كىشىنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇ يەردىن كەتكۈچە شۇ كىشىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇڭلار. بىرەر ئۆيگە كىرگىنىڭلاردا، ئۇلارغا ئامانلىق تىلەڭلار. ئەگەر ئۇ ئائىلىدىكىلەر سىلەرنى قوبۇل قىلسا، ئۇلارغا تىلىگەن ئامانلىقىڭلار ئىجابەت بولىدۇ. ئەگەر سىلەرنى قوبۇل قىلمىسا، تىلىگەن ئامانلىقىڭلار ئۆزۈڭلارغا يانىدۇ. سىلەرنى قوبۇل قىلمىغان، سۆزۈڭلارنى ئاڭلىمىغان كىشىنىڭ ئۆيىدىن ياكى شۇ شەھەردىن ئايرىلغىنىڭلاردا، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئايىغىڭلاردىكى توپىنى قېقىۋېتىڭلار. بىلىپ قويۇڭلاركى، ئۇ شەھەردىكىلەرنىڭ قىيامەت كۈنى تارتىدىغان جازاسى سودوم ۋە گومورا شەھىرىدىكى رەزىل كىشىلەرنىڭ تارتىدىغان جازاسىدىنمۇ ئېغىر بولىدۇ! - مانا، مەن سىلەرنى قويلارنى بۆرىلەرنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتكەندەك ئەۋەتىمەن. شۇڭا، يىلاندەك سەزگۈر، كەپتەردەك ساددا بولۇڭلار. كىشىلەردىن پەخەس بولۇڭلار. ئۇلار سىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ سوتقا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، ئىبادەتخانىلىرىدا قامچىلايدۇ. سىلەر ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، ۋالىي ۋە پادىشاھلار ئالدىغا ئېلىپ بېرىلىپ سوراققا تارتىلىسىلەر. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئالدىدا مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىم بولىسىلەر. سوراق قىلىنغان ۋاقتىڭلاردا، قانداق جاۋاب بېرىش ياكى نېمە دېيىشتىن ئەندىشە قىلماڭلار. چۈنكى، ئۇ چاغدا قىلىدىغان سۆزلىرىڭلار سىلەرگە نېسىپ قىلىنىدۇ. سىلەر ئۆزۈڭلار سۆزلىمەيسىلەر، بەلكى ئەرشتىكى ئاتاڭلارنىڭ روھى سىلەر ئارقىلىق سۆزلەيدۇ. قېرىنداش قېرىندىشىغا، ئاتا بالىسىغا خائىنلىق قىلىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىدۇ. بالىلارمۇ ئاتا-ئانىسى بىلەن قارشىلىشىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە ئىتتىرىدۇ. ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، ھەممە ئادەم سىلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىدۇ، لېكىن ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەر جەزمەن قۇتقۇزۇلىدۇ. ئۇلار سىلەرگە بىر شەھەردە زىيانكەشلىك قىلسا، يەنە بىر شەھەرگە قېچىپ بېرىڭلار. بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر ئىسرائىلىيىنىڭ پۈتۈن شەھەرلىرىنى ئارىلاپ بولغۇچە، ئىنسانئوغلى قايتىپ كېلىدۇ. شاگىرت ئۇستازىدىن، قۇل خوجايىنىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، شاگىرت ئۇستازىدەك، قۇل خوجايىنىدەك بولغىنىغا قانائەت قىلسۇن. ئۇلار ئۆينىڭ بېشى بولغان مېنى «جىنلارنىڭ پادىشاھى شەيتان» دەپ ئاتىغان يەردە، ئۆينىڭ ئەزالىرى بولغان سىلەرنى تېخىمۇ زور ھاقارەت قىلمامدۇ؟ بىراق، بۇنداقلاردىن قورقماڭلار. چاۋىسى چىتقا يېيىلمايدىغان ھېچقانداق يوشۇرۇن ئىش، ئاشكارىلانمايدىغان ھېچقانداق مەخپىيەتلىك يوقتۇر. مېنىڭ سىلەرگە مەخپىي ئېيتقانلىرىمنى سىلەر ئوچۇق-ئاشكارا ئېيتىۋېرىڭلار. قۇلىقىڭلارغا پىچىرلاپ ئېيتقانلىرىمنى خەلقىئالەمگە جاكارلاڭلار. تېنىڭلارنى ئۆلتۈرسىمۇ، جېنىڭلارنى ئالالمايدىغانلاردىن قورقماڭلار. ئەكسىچە، تېنىڭلارنىمۇ، جېنىڭلارنىمۇ دوزاختا ھالاك قىلالايدىغان خۇدادىن قورقۇڭلار. ئىككى قۇشقاچنى بىر تەڭگىگە سېتىۋالغىلى بولسىمۇ، لېكىن ئەرشتىكى ئاتاڭلار بىلمەي تۇرۇپ، ئۇلاردىن بىرسىمۇ يەرگە چۈشمەس. سىلەرگە كەلسەك، ھەتتا سىلەرنىڭ ھەربىر تال چېچىڭلارنىڭمۇ ھېسابى بار. شۇنداق ئىكەن، قورقماڭلار. چۈنكى، سىلەر خۇدا ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان قۇشقاچتىنمۇ قىممەتلىك-دە! كۆپچىلىك ئالدىدا مېنى ئېتىراپ قىلغانلارنى مەنمۇ ئەرشتىكى ئاتامنىڭ ئالدىدا ئېتىراپ قىلىمەن. بىراق، كۆپچىلىك ئالدىدا مېنى رەت قىلغانلارنى مەنمۇ ئەرشتىكى ئاتام ئالدىدا رەت قىلىمەن. - مېنى دۇنياغا تىنچلىق ئېلىپ كەلدىمىكىن، دەپ ئويلاپ قالماڭلار. مەن تىنچلىق ئەمەس، بەلكى جېدەل-ماجىرا ئېلىپ كەلدىم. مېنىڭ ۋەجىمدىن ئوغۇل ئاتىسىغا، قىز ئانىسىغا، كېلىن قېينانىسىغا قارشى چىقىدۇ. ئادەمنىڭ دۈشمىنى ئۆز ئائىلىسىدىكى كىشىلەردۇر. ئاتا-ئانىسىنى مەندىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغانلار مېنىڭ شاگىرتىم بولۇشقا لايىق ئەمەس. پەرزەنتلىرىنى مەندىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغانلارمۇ مېنىڭ شاگىرتىم بولۇشقا لايىق ئەمەس. ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ، ماڭا ئەگەشمىگەنلەرمۇ شاگىرتىم بولۇشقا لايىق ئەمەس. ئۆز ھاياتىنى ئايايدىغانلار ئەكسىچە ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ. مەن ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى ئايىمايدىغانلار ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ. سىلەرنى قوبۇل قىلغانلار مېنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ؛ مېنى قوبۇل قىلغانلار بولسا مېنى ئەۋەتكۈچى خۇدانى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. بىر پەيغەمبەرنى خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزگەنلىكى سەۋەبىدىن قوبۇل قىلغانلار پەيغەمبەر بىلەن ئوخشاش ئىنئامغا ئېرىشىدۇ. دۇرۇس ئادەمنى ئۇنىڭ دۇرۇس بولغانلىقى سەۋەبىدىن قوبۇل قىلغانلارمۇ شۇ ئادەم بىلەن ئوخشاش ئىنئامغا ئېرىشىدۇ. بىلىپ قويۇڭلاركى، ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتى دەپ، شاگىرتلىرىم ئىچىدىكى ئەڭ ئەرزىمەس بىرىگە ھەتتا بىرەر چىنە سوغۇق سۇ بەرگەن كىشىمۇ جەزمەن مېنىڭ ئىنئامىمدىن مەھرۇم قالمايدۇ. ھەزرىتى ئەيسا ئون ئىككى شاگىرتىغا تاپىلاپ بولغاندىن كېيىن، جەلىلىيىدىكى ھەرقايسى شەھەرلەردە تەلىم بېرىش ۋە خۇش خەۋەرنى جاكارلاش ئۈچۈن، ئۇ يەردىن ئايرىلدى. زىنداندىكى يەھيا پەيغەمبەر ئەيسا مەسىھنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ئاڭلاپ، شاگىرتلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلار ئارقىلىق ھەزرىتى ئەيسادىن: «خۇدا بىزگە ئەۋەتمەكچى بولغان قۇتقۇزغۇچى سىزمۇ ياكى باشقا بىرسى كېلەمدۇ؟» دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - سىلەر قايتىپ بېرىپ، ياراتقان مۆجىزىلىرىمنى ۋە ئېيتقان تەلىملىرىمنى يەھياغا يەتكۈزۈپ: «كورلارنىڭ كۆزى ئېچىلدى، توكۇرلار ماڭالايدىغان بولدى، ماخاۋ كېسىلى بولغانلار ساقايدى، گاسلار ئاڭلىيالايدىغان بولدى، ھەتتا ئۆلگەنلەرمۇ تىرىلدى ۋە كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈلدى» دەپ ئېيتىڭلار. يەھياغا يەنە: «مەندىن گۇمانلانماي، ماڭا تەۋرەنمەي ئىشەنگەنلەر نېمىدېگەن بەختلىك!» دەپ قويۇڭلار، - دېدى. يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى كەتكەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىككە يەھيا توغرۇلۇق مۇنداق دېدى: - سىلەر بۇرۇن يەھيانى ئىزدەپ چۆلگە بارغىنىڭلاردا، زادى قانداق بىر ئادەمنى كۆرمەكچىدىڭلار؟ مەيدانى شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغان قومۇشتەك تەۋرىنىپ تۇرىدىغان بىر ياخشىچاقنىمۇ؟ ياكى چىرايلىق كىيىنگەن بىر ئېسىلزادىنىمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! بۇنداق كىيىملەرنى كىيىدىغانلار چۆلدىن ئەمەس، خان ئوردىسىدىن تېپىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، سىلەر بىر پەيغەمبەرنى كۆرگىلى چىقتىڭلار. ئەمدى بىلىپ قويۇڭلاركى، يەھيا پەيغەمبەردىنمۇ ئۈستۈندۇر. چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا: «مانا، ئالدىڭدا ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن. ئۇ سېنىڭ يولۇڭنى ئالدىنئالا تەييارلايدۇ» دەپ يېزىلغان ۋە بۇ يەردىكى «ئەلچىم» دەل يەھيا پەيغەمبەرنى كۆرسىتىدۇ. بىلىپ قويۇڭلاركى، ئىنسانلار ئارىسىدا چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيادىنمۇ ئۇلۇغ كىشى ئوتتۇرىغا چىققىنى يوق، ئەمما ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىدىكى ئەڭ ئەرزىمەس بىرسىمۇ ئۇنىڭدىن ئۇلۇغ بولىدۇ. چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا ئوتتۇرىغا چىققان كۈنلەردىن بېرى، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى زوراۋانلىققا ئۇچرىماقتا. زوراۋانلار ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلماقتا. خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرىسىدا يەھيا پەيغەمبەرنىڭ زامانىغىچە بولغان بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىملىرىدە، شۇنداقلا تەۋراتتا ئالدىن بېشارەت بېرىلگەن. ئەگەر قوبۇل قىلالىساڭلار، مېنىڭ «قايتىپ كېلىشى مۇقەررەر بولغان ئىلياس پەيغەمبەر دەل يەھيا پەيغەمبەرنىڭ ئۆزىدۇر.» دېگەن سۆزۈمگە ئىشىنىڭلار. بۇ سۆزلەرنى قۇلىقىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار! بۇ زاماننىڭ سىلەردەك كىشىلىرىنى زادى كىملەرگە ئوخشىتاي؟ ئۇلار خۇددى كوچىدا ئولتۇرۇۋېلىپ، بىر-بىرىگە: «بىز سىلەرگە سۇناي چېلىپ بەرسەك، ئۇسسۇل ئوينىمىدىڭلار. ماتەم مۇزىكىسىنى چېلىپ بەرسەك، ھازىمۇ تۇتمىدىڭلار» دەپ رەنجىيدىغان تۇتۇرۇقسىز بالىلارغا ئوخشايدۇ. چۈنكى، يەھيا پەيغەمبەر كېلىپ روزا تۇتاتتى، شاراب ئىچمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار: «ئۇنىڭغا جىن تېگىپتۇ» دېيىشتى. ئىنسانئوغلى بولسا ھەم يەيدۇ ھەم ئىچىدۇ. بىراق، ئۇلار: «تازا بىر تويماس ھاراقكەش ئىكەن. ئۇ باجگىر ۋە باشقا گۇناھكارلارنىڭ دوستى» دېيىشىدۇ. بىلىپ قويۇڭلاركى، ھېكمەت بەرگەن مېۋىسى بىلەن تونۇلىدۇ. ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزى نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەن شەھەرلەردىكى توۋا قىلمىغانلارنى ئەيىبلەپ، مۇنداق دېدى: - ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قورازىنلىقلار! ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي بەيتسايدالىقلار! سىلەر ئۈچۈن ياراتقان مۆجىزىلىرىمنى تىر ۋە سىدون دېگەن ياتلار شەھەرلىرىدە ياراتقان بولسام، ئۇ يەرلەردىكى خەلق بۇرۇنلا مەيۈسلەنگەن ھالدا ماتاغا يۆگىنىپ، كۈلگە مىلىنىپ، گۇناھلىرىغا توۋا قىلغان بولاتتى. بىلىپ قويۇڭلاركى، قىيامەت كۈنى خۇدانىڭ سىلەرگە بېرىدىغان جازاسى تىر ۋە سىدوندىكىلەرنىڭكىدىنمۇ ئېغىر بولىدۇ. ئەي كەپەرناھۇملۇقلار! ئاسمانغا چىقماقچىمىدىڭلار؟ ئەكسىچە، دوزاخقا تاشلىنىسىلەر. چۈنكى، ئاراڭلاردا ياراتقان مۆجىزىلىرىمنى سودومدا ياراتقان بولسام، ئۇ شەھەر بۈگۈنكى كۈنگىچە مەۋجۇت بولغان بولاتتى. شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، قىيامەت كۈنى خۇدانىڭ سىلەرگە بېرىدىغان جازاسى سودومدىكىلەرنىڭكىدىنمۇ ئېغىر بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - پۈتۈن ئالەمنىڭ ئىگىسى بولغان ئى ئاتا! سەن بۇ ھەقىقەتلەرنى ئۆزىنى ئەقىللىق، بىلىملىك چاغلايدىغان كىشىلەردىن يوشۇرۇپ، كىچىك بالىلاردەك سەبىي كىشىلەرگە ئاشكارىلىغانلىقىڭ ئۈچۈن، ساڭا مەدھىيىلەر ئوقۇيمەن. شۇنداق ئاتا، سېنىڭ ئۆز خاھىشىڭ ئەنە شۇ ئىدى. ئاتام ھەممىنى ماڭا تەقدىم قىلدى. مېنى ئاتامدىن باشقا ھېچكىم ھەقىقىي تونۇمايدۇ. ئاتامنىمۇ مەن ۋە مەن ئۆزۈم ئاشكارىلاشنى خالايدىغان كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم ھەقىقىي تونۇمايدۇ. ئەي جاپاكەشلەر ۋە ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئالغانلار! مېنىڭ يېنىمغا كېلىڭلار، مەن سىلەرگە ئاراملىق بېرەي. مۇلايىم ۋە كەمتەرمەن. شۇڭا، مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمغا كىرىپ، مەندىن ئۆگىنىڭلار. شۇنداق قىلغاندا، كۆڭلۈڭلار ئارام تاپىدۇ. مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمدا بولۇش ئاسان، تەلىپىم ئېغىر ئەمەس. شۇ كۈنلەردىكى بىر دەم ئېلىش كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا بۇغدايلىقتىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. قورسىقى ئېچىپ كەتكەن شاگىرتلىرى باشاقلارنى ئۈزۈۋېلىپ، يېيىشكە باشلىدى. بۇنى كۆرگەن پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيساغا: - قاراڭ، شاگىرتلىرىڭىز دەم ئېلىش كۈنى چەكلەنگەن ئىشنى قىلىۋاتىدۇ، - دېيىشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - پادىشاھ داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ئاچ قالغاندا قانداق قىلغانلىقىنى مۇقەددەس يازمىلاردىن ئوقۇمىغانمۇ؟ ئۇ ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس جايغا كىرىپ، خۇداغا ئاتالغان نانلارنى روھانىيدىن سوراپ، ھەمراھلىرى بىلەن بىللە يېگەن. ھالبۇكى، بۇ نانلارنى روھانىيلاردىن باشقا ھەرقانداق كىشىنىڭ يېيىشى تەۋرات قانۇنىغا خىلاپ ئىدى. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىبادەتخانىدا ئىشلەيدىغان روھانىيلار دەم ئېلىش كۈنلىرى ئىشلىمەسلىك ئەمرىنى بۇزسىمۇ، تەۋراتتا ئۇلار گۇناھكار دەپ يېزىلمىغان. سىلەر بۇنى ئوقۇپ باقمىغانمۇ؟ بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇ يەردە ئىبادەتخانىدىنمۇ ئۇلۇغى بار. ئەگەر سىلەر خۇدانىڭ: «مەن قۇربانلىق قىلىشىڭلارنى ئەمەس، رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىشىڭلارنى ئىستەيمەن» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسىنى بىلسەڭلارىدى، بىگۇناھ كىشىلەرنى گۇناھكار، دەپ قارىمايتتىڭلار. مەن ئىنسانئوغلى دەم ئېلىش كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇرمەن. ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا باردى. ئىبادەتخانىدا بىر قولى قۇرۇپ كەتكەن بىر ئادەم بار ئىدى. بەزى پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىشقا باھانە تېپىش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن: - دەم ئېلىش كۈنى كېسەل ساقايتىش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ؟ - دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: - بىرەرىڭلارنىڭ قويى ئورىغا چۈشۈپ كەتسە، دەم ئېلىش كۈنى دېمەي، ئۇنى دەرھال تارتىپ چىقىرىۋالمامسىلەر؟ ئادەم قويدىن كۆپ قىممەتلىكتە! دېمەك، دەم ئېلىش كۈنى ياخشىلىق قىلىش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇن. ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى كېسەلگە: - قولۇڭنى ئۇزات، - دېدى. ئۇ ئادەم قولىنى ئۇزىتىشى بىلەنلا قولى ئەسلىگە كېلىپ، يەنە بىر قولىغا ئوخشاش ھالەتكە قايتتى. بۇنىڭ بىلەن، پەرىسىيلەر تاشقىرىغا چىقىپ، ھەزرىتى ئەيسانى قانداق جايلىۋېتىش ھەققىدە مەسلىھەت قىلىشتى. بۇنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن ئايرىلدى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىمارلارنىڭ ھەممىسىنى ساقايتتى ۋە ئۇلارغا ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى باشقىلارغا ئاشكارىلىماسلىقنى تاپىلىدى. بۇنىڭ بىلەن، يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئۇقتۇرۇلغان مۇنۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: «مانا مېنىڭ تاللىغان خىزمەتكارىم، دىلىم سۆيگەن يېقىنىم، ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن! روھىمنى ئاتا قىلىمەن ئۇنىڭغا؛ ئۇ ئادالەتنى جاكارلايدۇ پۈتكۈل خەلقلەرگە. ئۇ تالاش-تارتىش قىلماس، چۇقانمۇ كۆتۈرمەس. كوچىلاردىمۇ ھېچكىم ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىماس. ئېزىلگەن قومۇشنى سۇندۇرماس، ئۆچەي دەپ قالغان چىراغنىمۇ ئۆچۈرمەس، تاكى ئادالەت زەپەر قۇچقۇچە، پۈتكۈل خەلقلەر ئۇنىڭ نامىغا ئۈمىد باغلار.» شۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا جىن چاپلىشىۋالغان كور ۋە گاچا بىرى ئېلىپ كېلىندى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى ساقايتىپ، سۆزلىيەلەيدىغان ۋە كۆرەلەيدىغان قىلدى. خالايىق ھەيران بولۇشۇپ: - ئەجەبا، بۇ پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادىمىدۇ؟ - دېيىشتى. بۇ سۆزنى ئاڭلىغان پەرىسىيلەر: - ئۇ جىنلارنى ئۇلارنىڭ باشلىقى بولغان شەيتانغا تايىنىپ ھەيدەيدىكەن، - دېيىشتى. ئۇلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - ئەگەر بىر دۆلەتتىكىلەر ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ سوقۇشسا، ئۇ دۆلەت زاۋاللىققا يۈز تۇتىدۇ. ھەرقانداق شەھەر ياكى ئائىلىدىكىلەر ئۆزئارا جېدەل-ماجىرا قىلىشسا، ئۇلارمۇ ۋەيران بولۇشتىن ساقلىنالمايدۇ. ئەگەر شەيتان ئۆز باشقۇرۇشىدا بولغان جىنلارنى ھەيدىسە، ئۆز-ئۆزىگە قارشى چىققان بولىدۇ. ئۇنداقتا، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى قانداقمۇ پۇت تىرەپ تۇرالىسۇن؟ ئەگەر مەن جىنلارنى ئۇلارنىڭ پادىشاھى بولغان شەيتانغا تايىنىپ ھەيدىسەم، سىلەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىڭلار جىنلارنى ھەيدەشتە كىمگە تاياندى؟! ئېيتقانلىرىڭلارنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىڭلار دەلىللەپ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، مەن خۇدانىڭ روھىغا تايىنىپ جىنلارنى ھەيدىۋەتتىم. بۇ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئاراڭلاردا نامايان بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. بىر كىشى كۈچتۈڭگۈر بىرسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭ مېلىنى قانداق بۇلاپ كېتەلىسۇن؟ پەقەت شۇ كۈچتۈڭگۈر ئادەمنى باغلىيالىغانلارلا ئۇنىڭ ئۆيىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلالايدۇ. مەن بىلەن بىر يولدا ماڭمىغانلار ماڭا قارشى تۇرغۇچىلاردۇر. ماڭا يىغىۋېلىشقا ياردەم بەرمىگەنلەر توزۇتۇۋەتكۈچىلەردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بىلىپ قويۇڭلاركى، ئىنسانلارنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ۋە قىلغان كۇپۇرلۇقلىرىنىڭ ھەممىسىنى كەچۈرۈشكە بولىدۇ. لېكىن، مۇقەددەس روھقا قىلىنغان كۇپۇرلۇق كەچۈرۈلمەيدۇ. ئىنسانئوغلىغا قارشى سۆز قىلغانلار كەچۈرۈمگە ئېرىشەلەيدۇ؛ لېكىن مۇقەددەس روھقا قارشى گەپ قىلغانلار بۇ دۇنيادىمۇ، ئۇ دۇنيادىمۇ كەچۈرۈمگە ئېرىشەلمەيدۇ. - سىلەر دەرەخنى مېۋىسىدىن پەرق ئېتىشىڭلار كېرەك. مېۋە دەرىخى ياخشى بولسا، بېرىدىغان مېۋىسىمۇ ياخشى بولىدۇ. مېۋە دەرىخى يامان بولسا، بېرىدىغان مېۋىسىمۇ يامان بولىدۇ. چۈنكى، ھەرقانداق دەرەخ مېۋىسىدىن بىلىنىدۇ. ئەي زەھەرلىك يىلانلار! سىلەر يامان تۇرساڭلار، ئاغزىڭلاردىن قانداقمۇ ياخشى گەپ چىقسۇن؟ چۈنكى، كۆڭۈلدە نېمە بولسا، ئېغىزدىن شۇ چىقىدۇ. ياخشى ئادەم قەلبىدىكى ياخشىلىقىدىن ياخشىلىق چىقىرىدۇ. يامان ئادەم قەلبىدىكى يامانلىقىدىن يامانلىق چىقىرىدۇ. بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر قىلغان ھەربىر ئېغىز قۇرۇق گېپىڭلار ئۈچۈن قىيامەت كۈنى ھېساب بېرىسىلەر. ئۆز سۆزلىرىڭلار بىلەن يا ئاقلىنىسىلەر، يا گۇناھكار بولۇپ چىقىسىلەر. شۇ چاغدا، بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسادىن: - ئۇستاز، قۇدرىتىڭىزنىڭ خۇدادىن كەلگەنلىكىنى كارامەت بىلەن كۆرسەتكەيسىز، - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: - ئوسال ۋە ۋاپاسىز كىشىلەر كارامەت كۆرسەت، دەپلا تۇرىدۇ. بىراق، سىلەرگە يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ كارامىتىدىن باشقا كۆرسىتىلىدىغان ئىككىنچى كارامەت يوق. يۇنۇس پەيغەمبەر يوغان بىر بېلىقنىڭ قورسىقىدا ئۈچ كېچە-كۈندۈز قانداق تۇرغان بولسا، ئىنسانئوغلىمۇ يەرنىڭ باغرىدا ئۈچ كېچە-كۈندۈز شۇنداق تۇرىدۇ. قىيامەت كۈنى نىنەۋى شەھىرىدىكى خەلقمۇ قوپۇپ، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇلار يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ تەلىمىنى ئاڭلاپ، يامان يولدىن قايتقان. بىراق، بۇ يەردە يۇنۇس پەيغەمبەردىنمۇ ئۇلۇغ بىرسى سىلەرنى يامان يولدىن قايتىشقا چاقىرسا، قۇلاق سالمىدىڭلار. قىيامەت كۈنى ئەرەبىستاندىكى شەبا پادىشاھلىقىنىڭ ئايال پادىشاھىمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ پادىشاھ سۇلايماننىڭ ئاقىلانە سۆزلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن، ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ كەلگەن. مانا، ھازىر بۇ يەردە پادىشاھ سۇلايماندىنمۇ ئۇلۇغى بار. - جىن بىرەر ئادەمنىڭ تېنىدىن ھەيدىۋېتىلگەندىن كېيىن، قۇرغاق دالالارنى ئارىلاپ چىقىپ، تۇرىدىغان جاي ئىزدەيدۇ، بىراق تاپالمايدۇ ۋە: «ئىلگىرىكى ئۆيۈمگە قايتاي» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن، جىن ئۇ ئادەمنىڭ تېنىگە قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭ دىلىنىڭ يەنىلا بوش، شۇنداقلا پاكىز تازىلىنىپ رەتلەنگەن ئۆيدەك بولۇپ قالغانلىقىنى بايقايدۇ-دە، ئۆزىدىنمۇ بەتتەر يەتتە جىننى باشلاپ كىرىپ بىللە تۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ھېلىقى ئادەمنىڭ كېيىنكى ھالى بۇرۇنقىدىنمۇ يامانلىشىپ كېتىدۇ. بۇ زاماننىڭ رەزىل ئادەملىرىنىڭ ھالىمۇ مانا شۇنداق بولىدۇ. ھەزرىتى ئەيسا خەلققە داۋاملىق سۆزلەۋاتقاندا، ئانىسى بىلەن ئىنىلىرى كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشمەكچى بولۇپ تاشقىرىدا تۇرۇشتى. بىرەيلەن ھەزرىتى ئەيساغا: - ئانىڭىز ۋە ئىنىلىرىڭىز سىز بىلەن سۆزلىشىمىز دەپ سىرتتا تۇرىدۇ، - دېدى. - كىم مېنىڭ ئانام، كىم مېنىڭ ئىنىلىرىم؟ - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇ كىشىگە. ئاندىن، ئۇ قولى بىلەن شاگىرتلىرىنى كۆرسىتىپ: - مانا ئانام، مانا ئىنىلىرىم! چۈنكى، كىم ئەرشتىكى ئاتامنىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلسا، شۇ مېنىڭ ئاكا-ئىنىم، ئاچا-سىڭلىم ۋە ئانامدۇر، - دېدى. شۇ كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا ئۆيدىن چىقىپ، كۆل بويىدا ئولتۇراتتى. ئەتراپىغا نۇرغۇن ئادەم يىغىلغاچقا، ئۇ بىر كېمىگە چىقىپ ئولتۇردى. خالايىق بولسا كۆل بويىدا تۇرۇشاتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا تەمسىل بىلەن نۇرغۇن ھېكمەتلەرنى ئېيتىپ بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: - بىر دېھقان ئۇرۇق چاچقىلى ئېتىزىغا چىقىپتۇ. چاچقان ئۇرۇقلىرىنىڭ بەزىلىرى چىغىر يول ئۈستىگە چۈشۈپتۇ، قۇشلار كېلىپ ئۇلارنى يەپ كېتىپتۇ. بەزىلىرى تۇپرىقى كەم تاشلىق يەرلەرگە چۈشۈپتۇ. توپىسى نېپىز بولغانلىقتىن، تېزلا ئۈنۈپ چىقىپتۇ، لېكىن چوڭقۇر يىلتىز تارتمىغاچقا، كۈن چىقىش بىلەنلا سولىشىپ قۇرۇپ كېتىپتۇ. بەزىلىرى تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چۈشۈپتۇ، تىكەنلەر ئۆسۈپ مايسىلارنى بېسىۋاپتۇ. بەزىلىرى بولسا مۇنبەت تۇپراققا چۈشۈپتۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يۈز ھەسسە، بەزىلىرى ئاتمىش ھەسسە، يەنە بەزىلىرى ئوتتۇز ھەسسە ھوسۇل بېرىپتۇ. بۇ سۆزلەرنى قۇلىقىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار! شاگىرتلىرى كېلىپ، ھەزرىتى ئەيسادىن: - سىز نېمە ئۈچۈن كۆپچىلىككە تەلىم بەرگەندە تەمسىل كەلتۈرىسىز؟ - دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ سىرلىرى ئۇلارغا ئەمەس، سىلەرنىڭ بىلىشىڭلارغا بېرىلدى. چۈنكى، كىمدە ئەقىل-پاراسەت بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ. ئۇنىڭدىكى ئەقىل-پاراسەت ئېشىپ-تاشقۇچە بولىدۇ. لېكىن، كىمدە ئەقىل-پاراسەت بولمىسا، ئۇنىڭدا بار بولغىنىمۇ ئېلىپ كېتىلىدۇ. ئۇلارغا تەمسىل بىلەن سۆزلىشىمنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار قارىسىمۇ كۆرمەيدۇ، ئاڭلىسىمۇ تىڭشىمايدۇ ھەم ھەقىقىي چۈشەنمەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن، خۇدانىڭ يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىنئالا ئېيتقان مۇنۇ سۆزلىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: «سۆزلىرىمنى ئاڭلايسىلەر، ئاڭلايسىلەر، چۈشەنمەيسىلەر. قىلغانلىرىمغا قارايسىلەر، قارايسىلەر، مەنىسىنى ئۇقمايسىلەر. چۈنكى، بۇ خەلقنىڭ زېھنى زەئىپلەشكەن. ئۇلار قۇلاقلىرىنى ئېتىۋالغان، كۆزلىرىنىمۇ يۇمۇۋالغان. ئۇنداق بولمىسىدى، كۆزلىرى كۆرەتتى، قۇلاقلىرىمۇ ئاڭلايتتى، زېھنى ئويغىنىپ، ماڭا قايتاتتى. مەنمۇ ئۇلارنى ساقايتاتتىم.» لېكىن، سىلەر نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، كۆزۈڭلار كۆرىدۇ، قۇلىقىڭلار ئاڭلايدۇ. بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇرۇنقى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ۋە دۇرۇس ئادەملەر سىلەر كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلارنى كۆرۈشنى ۋە ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، مۇرادىغا يېتەلمىدى. - ئەمدى ئۇرۇق چېچىش توغرىسىدىكى تەمسىلنىڭ مەنىسىنى ئاڭلاڭلار. ئەگەر بىرى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرىسىدىكى سۆزنى ئاڭلاپ تۇرۇپ چۈشەنمىسە، شەيتان كېلىپ ئۇنىڭ كۆڭلىگە چۈشكەن سۆزنى ئېلىپ كېتىدۇ. بۇ دەل چىغىر يول ئۈستىگە چېچىلغان ئۇرۇقلاردۇر. تۇپرىقى كەم تاشلىق يەرلەرگە چېچىلغان ئۇرۇقلارغا كەلسەك، ئۇلار خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، خۇشاللىق بىلەن دەرھال قوبۇل قىلغانلارغا تەمسىل قىلىنغان. ھالبۇكى، خۇدانىڭ سۆزى ئۇلاردا يىلتىز تارتمىغاچقا، ئۇلار ئۇزۇنغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. خۇدانىڭ سۆزىگە ئىشەنگەنلىكىدىن قىيىنچىلىق ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىسا، خۇدا يولىدىن دەرھال چەتنەپ كېتىدۇ. تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چېچىلغىنى شۇنداق ئادەملەرگە تەمسىل قىلىنغانكى، بۇ ئادەملەر خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىسىمۇ، لېكىن كۆڭلىگە بۇ دۇنيانىڭ ئەندىشىلىرى، بايلىقنىڭ ئېزىقتۇرۇشى كىرىۋېلىپ، خۇدانىڭ سۆزىنى بوغۇۋېتىدۇ-دە، ئۇلار ھوسۇلسىز قالىدۇ. مۇنبەت تۇپراققا چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ چۈشەنگەن ئادەمگە تەمسىل قىلىنغان. بۇنداق ئادەملەر ئەلۋەتتە ھوسۇل بېرىدۇ، بەزىلىرى يۈز ھەسسە، بەزىلىرى ئاتمىش ھەسسە، يەنە بەزىلىرى ئوتتۇز ھەسسە ھوسۇل بېرىدۇ. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا باشقا بىر تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى: - ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى ئېتىزغا ياخشى ئۇرۇق چاچقان ئادەمگە ئوخشايدۇ. بىر كېچىسى، ھەممە ئادەم ئۇيقۇغا چۆمگەندە، ئۇ ئادەمنىڭ دۈشمىنى كېلىپ، بۇغداينىڭ ئارىسىغا ياۋا ئوت ئۇرۇقلىرىنى چېچىۋېتىپ كېتىپتۇ. مايسىلار ئۆسۈپ باشاق چىقارغاندا، ياۋا ئوتلارمۇ كۆرۈنۈشكە باشلاپتۇ. خوجايىننىڭ چاكارلىرى كېلىپ، ئۇنىڭغا: «خوجايىن، سىز ئېتىزغا ياخشى ئۇرۇق چاچقانىدىڭىزغۇ، بۇ ياۋا ئوتلار نەدىن كېلىپ قالدى؟» دەپتۇ. «بۇ بىر دۈشمەننىڭ ئىشى» دەپتۇ خوجايىن. چاكارلار: «بېرىپ ياۋا ئوتلارنى يۇلۇۋەتسەك قانداق؟» دەپ سوراپتۇ. «ياق! ياۋا ئوتلارنى يۇلىمىز دېسەڭلار، بۇغدايلارمۇ يۇلۇنۇپ كېتىشى مۇمكىن. ئۇلارنى ئۆسۈشىگە قويۇۋېتىڭلار. ئورما ۋاقتىدا، مەن ئورمىچىلارغا: ˜ئاۋۋال ياۋا ئوتلارنى يۇلۇپ، كۆيدۈرۈش ئۈچۈن باغلاپ يىغىۋېلىڭلار، ئاندىن بۇغدايلارنى يىغىپ ئامبىرىمغا قاچىلاڭلارŒ دەيمەن» دەپتۇ خوجايىن. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە بىر تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى: - ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى خۇددى بىر ئادەمنىڭ ئېتىزغا چاچقان قىچا ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ. قىچا ئۇرۇقى پۈتۈن ئۇرۇقلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كىچىك بولسىمۇ، ئۇ ھەرقانداق زىرائەتتىن ئېگىز ئۆسۈپ كۆچەت بولىدۇ، ھەتتا قۇشلارمۇ كېلىپ ئۇنىڭ شاخلىرىدا ئۇۋۇلايدۇ. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا باشقا بىر تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى: - ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى خۇددى خېمىرتۇرۇچقا ئوخشايدۇ. ئايال خېمىرتۇرۇچنى بىر خالتا ئۇنغا قوشۇپ يۇغۇرسا، بۇ خېمىرتۇرۇچ پۈتۈن خېمىرنى بولدۇرالايدۇ. ھەزرىتى ئەيسا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تەمسىللەر بىلەن كۆپچىلىككە بايان قىلدى. ئۇ تەمسىل كەلتۈرمەي تۇرۇپ ھېچقانداق تەلىم بەرمەيتتى. بۇنىڭ بىلەن، بىر پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىنئالا ئېيتىلغان مۇنۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: «ئاغزىمنى تەمسىل سۆزلەش بىلەن ئاچىمەن، دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى سىر بولۇپ كەلگەن ئىشلارنى تىلغا ئالىمەن.» شۇنىڭدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىكتىن ئايرىلىپ ئۆيگە كىردى. شاگىرتلىرى يېنىغا كېلىپ: - ئېتىزدىكى ياۋا ئوتلار توغرىسىدىكى تەمسىلنى چۈشە دۈرۈپ قويسىڭىز، - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - ياخشى ئۇرۇقلارنى چاچقان ئىنسانئوغلىدۇر. ئېتىز دۇنيا بولۇپ، ياخشى ئۇرۇقلار ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ مىراسخورلىرىدۇر. ياۋا ئوتلار بولسا شەيتانغا تەۋە بولغانلاردۇر. ياۋا ئوت ئۇرۇقلىرىنى چاچقان دۈشمەن شەيتاندۇر. ئورما ۋاقتى زامان ئاخىرى، ئورمىچىلار بولسا پەرىشتىلەردۇر. ياۋا ئوتلار قانداق يۇلۇنۇپ ئوتقا تاشلانغان بولسا، زامان ئاخىرىدىمۇ شۇنداق بولىدۇ. ئىنسانئوغلى پەرىشتىلىرىنى ئەۋەتىپ، ئىنسانلارنى گۇناھقا ئازدۇرغان ۋە يامانلىق قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز پادىشاھلىقىدىن شاللاپ، ئۇلارنى لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا تاشلايدۇ. ئۇلار ئۇ يەردە ھەسرەتتە يىغلاپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ. ھەققانىي ئادەملەر ئۇ چاغدا ئاتىسى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا قۇياشتەك چاقنايدۇ. بۇ سۆزلەرنى قۇلىقىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار! - ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى خۇددى ئېتىزدا يوشۇرۇلغان بىر خەزىنىگە ئوخشايدۇ. ئۇنى تېپىۋالغۇچى ھاياجان ئىچىدە خەزىنىنى قايتىدىن يوشۇرۇپ، شۇ ئېتىزنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن بار-يوقىنى سېتىۋېتىدۇ. ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى يەنە قىممەت باھالىق ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى ئىزدىگەن سودىگەرگە ئوخشايدۇ. سودىگەر ناھايىتى قىممەت باھالىق بىر مەرۋايىتنى تاپقانىكەن، قايتىپ بېرىپ بار-يوقىنى سېتىپ، ئۇ مەرۋايىتنى سېتىۋالىدۇ. - ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى يەنە دېڭىزغا تاشلىنىپ ھەر خىل بېلىقلارنى تۇتىدىغان تورغا ئوخشايدۇ. تور توشقاندا، بېلىقچىلار ئۇنى قىرغاققا تارتىپ چىقىرىدۇ. ئاندىن ئولتۇرۇپ، ياخشى بېلىقلارنى ئىلغىۋېلىپ، سېۋەتلەرگە قاچىلاپ، ناچارلىرىنى تاشلىۋېتىدۇ. قىيامەت كۈنىمۇ شۇنداق بولىدۇ. پەرىشتىلەر كېلىپ يامان كىشىلەرنى ھەققانىي كىشىلەردىن ئايرىيدۇ ۋە ئۇلارنى لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا تاشلايدۇ. ئۇلار ئۇ يەردە ھەسرەتتە يىغلاپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن: - بۇ سۆزلەرنى چۈشەندىڭلارمۇ؟ - دەپ سورىدى. - چۈشەندۇق، - دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى توغرۇلۇق تەلىم ئالغان تەۋرات ئۇستازى خۇددى خەزىنىسىدىن كونىنىلا ئەمەس، بەلكى يېڭى نەرسىلەرنىمۇ ئېلىپ چىققان خوجايىنغا ئوخشايدۇ. ھەزرىتى ئەيسا بۇ تەمسىللەرنى سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، ئۆز يۇرتىغا كەتتى ۋە ئۆز يۇرتىدىكى ئىبادەتخانىدا خەلققە تەلىم بېرىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ تەلىمىنى ئاڭلىغان خەلق ھەيران بولۇپ: - بۇ ئادەمنىڭ بۇنچىۋالا ئەقىل-پاراسىتى ۋە مۆجىزە يارىتىش قۇدرىتى نەدىن كەلگەندۇ؟ ئۇ پەقەت ئاددىي بىر ياغاچچىنىڭ ئوغلىغۇ؟ ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى مەريەم؛ ياقۇپ، يۈسۈپ، سىمۇن ۋە يەھۇدالار ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ئەمەسمۇ؟ سىڭىللىرىنىڭ ھەممىسى ئۆز ئىچىمىزدىغۇ؟ شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇنىڭدىكى بۇ قابىلىيەتلەر زادى نەدىن كەلگەندۇ؟ - دېيىشەتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۇنى رەت قىلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - پەيغەمبەر ئۆز يۇرتى ۋە ئۆز ئۆيىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئېتىقادسىزلىقى تۈپەيلىدىن ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردە كۆپ مۆجىزە كۆرسەتمىدى. ئۇ كۈنلەردە، ھەزرىتى ئەيسا توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىغان ھىرود خان قول ئاستىدىكىلەرگە: - بۇ ئادەم چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا بولسا كېرەك، ئۇ چوقۇم ئۆلۈمدىن تىرىلىپتۇ. ئۇنىڭ پەۋقۇلئاددە قۇدرەتلەرگە ئىگە بولغانلىقىنىڭ سەۋەبى ئەنە شۇ، - دېدى. ھىرودنىڭ بۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇ ئۆگەي ئاكىسى فىلىپنىڭ ئايالى ھىرودىيەنى تارتىۋالغاندا، ئۇ ئايالنىڭ تەلىپى بىلەن يەھيانى تۇتقۇن قىلىپ، زىندانغا تاشلىغانىدى. چۈنكى، يەھيا ھىرودقا: «ئاكاڭنىڭ ئايالىنى تارتىۋېلىشىڭ تەۋرات قانۇنىغا خىلاپتۇر» دەپ كەلگەنىدى. ھىرود شۇ سەۋەبتىن يەھيانى ئۆلتۈرمەكچى بولغان بولسىمۇ، بىراق خەلقتىن قورققانىدى، چۈنكى خەلق يەھيانى پەيغەمبەر، دەپ قارايتتى. ھىرودنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، ئايالى ھىرودىيەنىڭ بۇرۇنقى ئېرىدىن بولغان قىزى ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇسسۇل ئويناپ بەردى. بۇ ھىرودقا شۇنداق ياقتىكى، قىزغا نېمە تىلىسە شۇنى بېرىشكە قەسەم قىلدى. قىز ئانىسىنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن: - دەرھال چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، بىر تەخسىگە قويۇپ ئەكېلىڭ، - دېدى. ھىرود خان بۇنىڭغا ئوڭايسىزلانغان بولسىمۇ، مېھمانلارنىڭ ئالدىدا قىلغان قەسىمى تۈپەيلىدىن، بۇ تەلەپنى ئورۇنداشنى بۇيرۇدى. ئادەم ئەۋەتىپ، زىنداندا يەھيا پەيغەمبەرنىڭ كاللىسىنى ئالدۇردى. بىر تەخسىگە قويۇلغان كاللا قىزنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى. قىز بۇنى ئانىسىنىڭ ئالدىغا ئاپاردى. يەھيانىڭ شاگىرتلىرى بېرىپ، جەسەتنى دەپنە قىلدى. ئاندىن، ھەزرىتى ئەيساغا ئەھۋالنى خەۋەر قىلدى. ھەزرىتى ئەيسا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، خىلۋەت بىر جايغا ئۆزى يالغۇز كېتىش ئۈچۈن كېمىگە ئولتۇرۇپ، ئۇ يەردىن ئايرىلدى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان خەلق ئەتراپتىكى يېزىلاردىن كېلىشىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن پىيادە ماڭدى. ھەزرىتى ئەيسا كېمىدىن چۈشكىنىدە، نۇرغۇن ئادەملەرنى كۆردى ۋە ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇلارنىڭ كېسەللىرىنى ساقايتتى. كەچقۇرۇن، شاگىرتلىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا كېلىپ: - بۇ خىلۋەت بىر جاي ئىكەن، ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى. خالايىقنى تارقىتىۋەتكەن بولسىڭىز، ئۇلار كەنتلەرگە بېرىپ ئۆزلىرىگە تاماق سېتىۋالسۇن، - دېدى. - ئۇلارنىڭ تارقاپ كېتىشىنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇلارغا ئۆزۈڭلار تاماق بېرىڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. شاگىرتلار: - بىزدە بەش نان بىلەن ئىككى دانە بېلىقتىن باشقا ھېچ نەرسە يوق، - دېيىشتى. - ئۇلارنى ماڭا ئېلىپ كېلىڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. ئۇ خالايىقنى چىملىقنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشقا بۇيرۇغاندىن كېيىن، بەش نان بىلەن ئىككى بېلىقنى قولىغا ئېلىپ، ئاسمانغا قاراپ خۇداغا شۈكۈر ئېيتتى. ئاندىن، نانلارنى ئوشتۇپ شاگىرتلىرىغا بەردى. ئۇلار كۆپچىلىككە تارقاتتى. ھەممەيلەن يەپ تويدى. شاگىرتلار ئېشىپ قالغان پارچىلارنى لىق ئون ئىككى سېۋەتكە يىغىۋالدى. تاماق يېگەنلەرنىڭ سانى ئاياللار ۋە بالىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بەش مىڭچە كىشى ئىدى. بۇنىڭ كەينىدىنلا، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىنىڭ كېمىگە ئولتۇرۇپ، كۆلنىڭ قارشى قىرغىقىغا ئۆزىدىن ئاۋۋال ئۆتۈشىنى بۇيرۇدى. بۇ ئارىدا ئۆزى خالايىقنى تارقىتىۋەتتى. ئۇلارنى تارقىتىۋەتكەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا دۇئا-تىلاۋەت قىلىش ئۈچۈن ئۆزى تەنھا تاغقا چىقتى، كەچتىمۇ ئۇ يەردە يالغۇز قالدى. بۇ چاغدا، كېمە قىرغاقتىن خېلى ئۇزاقتا دولقۇنلار ئىچىدە چايقىلىپ تەستە ئىلگىرىلەۋاتاتتى، چۈنكى قارشى تەرەپتىن شامال چىقىۋاتاتتى. تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغاندا، ھەزرىتى ئەيسا كۆلنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ، شاگىرتلىرى تەرەپكە كەلدى. شاگىرتلار ئۇنىڭ كۆلنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ۋەھىمىگە چۈشتى. - ئۇ بىر ئالۋاستى! - دېيىشىپ، قورقۇپ چۇقان سېلىشىپ كەتتى. لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا دەرھال ئۇلارغا: - خاتىرجەم بولۇڭلار، بۇ مەن، قورقماڭلار! - دېدى. پېترۇس بۇنىڭغا جاۋابەن: - ئى رەببىم، ئەگەر بۇ سىز بولسىڭىز، سۇ ئۈستىدە مېڭىپ يېنىڭىزغا بېرىشىمغا ئەمر قىلىڭ، - دېدى. - كەل، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. پېترۇس كېمىدىن چۈشۈپ، سۇ ئۈستىدە ھەزرىتى ئەيساغا قاراپ ماڭدى. لېكىن، قاتتىق چىقىۋاتقان بوراننى كۆرۈپ قورقتى ۋە سۇغا چۆكۈشكە باشلىغاندا: - رەببىم، مېنى قۇتقۇزۇۋالغايسىز! - دەپ ۋارقىرىدى. ھەزرىتى ئەيسا دەرھال قولىنى ئۇزىتىپ، ئۇنى تۇتۇۋالدى ۋە ئۇنىڭغا: - ئەي ئىشەنچى ئاجىز، نېمىشقا گۇمان قىلدىڭ؟ - دېدى. ئۇلار كېمىگە چىققاندا، شامال توختىدى. شاگىرتلىرى ھەزرىتى ئەيساغا سەجدە قىلىپ: - سىز ھەقىقەتەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنسىز، - دېيىشتى. ئۇلار كۆلنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتۈپ، گىنەسار دېگەن يەردە قۇرۇقلۇققا چىقتى. ئۇ يەرنىڭ خەلقى ھەزرىتى ئەيسانى تونۇپ، ئەتراپتىكى جايلارغا خەۋەر ئەۋەتتى. كىشىلەر بىمارلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، ھەزرىتى ئەيسادىن بىمارلارنىڭ ھېچبولمىغاندا ئۇنىڭ تونىنىڭ پېشىگە بولسىمۇ قولىنى تەگكۈزۈۋېلىشىغا رۇخسەت قىلىشىنى سوراپ يالۋۇراتتى. ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزگەنلەرنىڭ ھەممىسى ساقايدى. بۇ چاغدا، پايتەخت يېرۇسالېمدىن بەزى پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: - شاگىرتلىرىڭ نېمىشقا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىلىرىگە خىلاپلىق قىلىدۇ؟ ئۇلار تاماقتىن ئىلگىرى قوللىرىنى يۇمايدىكەنغۇ، - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: - سىلەرچۇ! سىلەر نېمىشقا ئەنئەنىمىزگە رىئايە قىلىمىز دەپ، خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە خىلاپلىق قىلىسىلەر؟ خۇدا: «ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» ۋە «ئاتىسى ياكى ئانىسىنى ھاقارەتلىگەنلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلسۇن» دەپ ئەمر قىلغان. لېكىن، سىلەر: «ئاتا-ئانىسىغا: ˜مەندىن ئالىدىغان پۈتۈن ماددىي ياردىمىڭلارنى خۇداغا ئاتىۋەتتىمŒ دېگەن كىشىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادارلىق قىلىش مەجبۇرىيىتى قالمايدۇ» دەيسىلەر. بۇنىڭ بىلەن، ئەنئەنەڭلارنى دەپ، خۇدانىڭ ئەمرىنى يوققا چىقىرىسىلەر. ئەي ساختىپەزلەر! خۇدا يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقان مۇنۇ سۆزلەر سىلەرگە نېمىدېگەن ماس كېلىدۇ-ھە: «بۇ خەلق مېنى ئاغزىدىلا ھۆرمەتلەيدۇ، لېكىن قەلبى مەندىن يىراق. ماڭا قىلغان ئىبادىتى بىھۇدىدۇر. چۈنكى، ئۆگەتكەنلىرى خۇدانىڭ ئەمرلىرى ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرى چىقىرىۋالغان پەتىۋالاردۇر.» ھەزرىتى ئەيسا خالايىقنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا: - قۇلاق سېلىڭلار ھەم شۇنى چۈشىنىڭلاركى، ئىنساننى ناپاك قىلىدىغىنى ئاغزىدىن كىرىدىغىنى ئەمەس، بەلكى ئاغزىدىن چىقىدىغىنىدۇر، - دېدى. كېيىن، شاگىرتلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: - سىزنىڭ سۆزلىرىڭىز پەرىسىيلەرنىڭ چىشىغا تەگكەنلىكىنى بىلدىڭىزمۇ، - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: - ئەرشتىكى ئاتام تىكمىگەن ھەرقانداق ئۆسۈملۈك يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىنىدۇ. ئۇلارغا پىسەنت قىلماڭلار؛ ئۇلار قارىغۇلارغا يول باشلايدىغان قارىغۇلاردۇر. ئەگەر قارىغۇ قارىغۇنى يېتەكلىسە، ھەر ئىككىسى ئورىغا چۈشۈپ كېتىدۇ. پېترۇس: - بايا ئېيتقان ناپاكلىق توغرىسىدىكى تەمسىلنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەيسىز، - دېدى. - سىلەرمۇ تېخىچە چۈشەنمەيۋاتامسىلەر؟ - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - ئېغىزغا كىرگەن نەرسىلەرنىڭ ئاشقازان ئارقىلىق تەرەت بولۇپ چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى چۈشەنمەمسىلەر؟ لېكىن، ئېغىزدىن چىقىدىغىنى قەلبتىن چىقىدۇ. ئىنساننى ناپاك قىلىدىغىنىمۇ شۇ. چۈنكى، يامان نىيەت، قاتىللىق، زىناخورلۇق، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ئوغرىلىق، يالغان گۇۋاھلىق ۋە تۆھمەتخورلۇق قاتارلىق گۇناھلارنىڭ ھەممىسى قەلبتىن چىقىدۇ. ئىنساننى مانا شۇلار ناپاك قىلىدۇ. يۇيۇلمىغان قوللار بىلەن تائام يېيىش بولسا ئىنساننى ناپاك قىلمايدۇ. ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، تىر ۋە سىدون شەھەرلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارغا باردى. ئۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان قانانلاردىن بولغان بىر ئايال ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: - ئى تەقسىر! پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى، ھالىمغا يەتكەيسىز! قىزىمغا جىن چاپلىشىۋالغانىدى، ھالى بەك خاراب، - دەپ زارلىدى. لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇ ئايالغا بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىدى. شاگىرتلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: - بۇ ئايالنى يولغا سالغايسىز! كەينىمىزگە ئەگىشىۋېلىپ يول بويى ۋارقىراپ يۈرىدۇ، - دەپ تەلەپ قىلدى. ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى ئايالغا قاراپ مۇنداق دېدى: - مەن پەقەت خۇدانىڭ يوقالغان قويلىرى - ئىسرائىللارغا ئەۋەتىلدىم. ھېلىقى ئايال ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: - ئى تەقسىر، ماڭا شاپائەت قىلغايسىز! - دەپ، ئايىغىغا يىقىلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - بالىلارنىڭ نېنىنى ئىتلارغا تاشلاپ بېرىش توغرا ئەمەس، - دېدى. ھېلىقى ئايال بۇنىڭغا جاۋابەن: - شۇنداق، تەقسىر، بىراق ئىتلارمۇ خوجايىنىنىڭ داستىخىنىدىن چۈشكەن نان ئۇۋاقلىرىنى يەيدىغۇ، - دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ئەي ئايال، ئىشەنچىڭ كامىل ئىكەن! تىلىگىنىڭدەك بولسۇن، - دېدى. ئۇ ئايالنىڭ قىزى شۇئان ساقىيىپ كەتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، جەلىلىيە كۆلىنىڭ بويىدىن ئۆتۈپ، تاغقا چىقىپ ئولتۇردى. ئۇنىڭ ئالدىغا نۇرغۇن خالايىق يىغىلدى. ئۇلار يەنە توكۇر، قارىغۇ، چولاق، گاچا ۋە باشقا ھەر خىل كېسەللەرنىمۇ ئېلىپ كېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا قويۇشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى ساقايتتى. خەلق گاچىلارنىڭ تىلى چىققانلىقىنى، چولاقلارنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى، توكۇرلارنىڭ ماڭغانلىقىنى، قارىغۇلارنىڭ كۆزى ئېچىلغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەيران بولدى ۋە ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا مەدھىيە ئوقۇدى. ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ: - بۇ خالايىققا ئىچىم ئاغرىيدۇ. ئۇلار ئۈچ كۈندىن بېرى يېنىمدىن كەتمىدى، يەيدىغان بىر نەرسىسىمۇ قالمىدى. ئۇلارنى ئۆيلىرىگە ئاچ قورساق قايتۇرۇشنى خالىمايمەن، يولدا يىقىلىپ قېلىشى مۇمكىن، - دېدى. شاگىرتلار ئۇنىڭغا: - بۇنداق خىلۋەت بىر يەردە بۇنچىۋالا خالايىقنى تويدۇرغۇدەك ناننى نەدىن تاپىمىز؟ - دېيىشتى. - قانچە نېنىڭلار بار؟ - دەپ سورىدى ھەزرىتى ئەيسا. - يەتتە نان بىلەن بىرنەچچە تال كىچىك بېلىقىمىز بار، - دېيىشتى ئۇلار. بۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا خالايىقنى يەردە ئولتۇرۇشقا بۇيرۇدى. ئاندىن، يەتتە نان بىلەن بېلىقلارنى قولىغا ئالدى ۋە خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ، ئۇلارنى ئوشتۇپ شاگىرتلىرىغا بەردى. ئۇلار كۆپچىلىككە تارقاتتى. ھەممەيلەن يەپ تويغاندىن كېيىن، شاگىرتلار ئېشىپ قالغان پارچىلارنى يەتتە سېۋەتكە يىغىۋالدى. تاماق يېگەنلەرنىڭ سانى ئاياللار ۋە بالىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا تۆت مىڭ كىشى ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا خالايىقنى يولغا سالغاندىن كېيىن، كېمىگە چۈشۈپ، ماگادان يېزىسىنىڭ سىرتىغا باردى. پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىي دىنىي ئېقىمىدىكىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلىكىنى سىناپ بېقىش مەقسىتىدە، ئۇنىڭدىن بىر كارامەت كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - كەچقۇرۇن سىلەر: «ئۇپۇقتا قىزىل شەپەق كۆرگىنىڭلاردا، ئەتە ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ» دەيسىلەر. ئەتىگەندە: «بۈگۈن ئاسماننىڭ رەڭگى كۆكۈش قىزىل ۋە بۇلۇتلۇق، ھاۋا بۇزۇلىدۇ» دەيسىلەر. ئاسمان رەڭگىنى چۈشەندۈرەلەيسىلەريۇ، بۇ زاماندا يۈز بېرىۋاتقان ئالامەتلەرنى چۈشەندۈرەلمەيسىلەر! ئوسال ۋە ۋاپاسىز كىشىلەر كارامەت كۆرسەت، دەپلا تۇرىدۇ. بىراق، سىلەرگە يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ كارامىتىدىن باشقا كۆرسىتىلىدىغان ئىككىنچى كارامەت يوق. ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى تاشلاپ كەتتى. شاگىرتلار كۆلنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتكىنىدە، نان ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇغانىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - ھوشيار بولۇڭلار، پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلارنىڭ ئېچىتقۇسىدىن ئېھتىيات قىلىڭلار، - دېدى. شاگىرتلار بىر-بىرىگە: - نان ئەكەلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن شۇنداق دەۋاتسا كېرەك، - دېيىشتى. ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشىۋاتقانلىقىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار! نېمە ئۈچۈن نان ئەكەلمىگەنلىكىڭلار توغرىسىدا سۆزلىشىسىلەر؟ تېخىچە چۈشەنمىدىڭلارمۇ؟ بەش نان بىلەن بەش مىڭ كىشىنى تويدۇرغانلىقىم، يەنە قانچە سېۋەت يېمەكلىك يىغىۋالغانلىقىڭلار ئېسىڭلاردا يوقمۇ؟ يەتتە نان بىلەن تۆت مىڭ كىشىنى تويدۇرغانلىقىم، يەنە قانچە سېۋەت يېمەكلىك يىغىۋالغانلىقىڭلارمۇ ئېسىڭلاردا يوقمۇ؟ سىلەر نېمىشقا مېنىڭ ئېيتقىنىمنىڭ نان توغرۇلۇق ئەمەسلىكىنى چۈشەنمەيسىلەر؟ مەن يەنە سىلەرگە: «پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلارنىڭ ئېچىتقۇسىدىن ئېھتىيات قىلىڭلار» دەيمەن. شاگىرتلار شۇندىلا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزلىرىگە ناندىكى ئېچىتقۇدىن ئەمەس، بەلكى پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلارنىڭ ئېچىتقۇسىدىن، يەنى ساختا تەلىمىدىن ئېھتىيات قىلىشنى ئېيتقانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى. ھەزرىتى ئەيسا فىلىپ قەيسەرىيىسى رايونىغا كەلگىنىدە، شاگىرتلىرىدىن: - كىشىلەر ئىنسانئوغلىنى كىم دەپ بىلىدىكەن؟ - دەپ سورىدى. شاگىرتلىرى: - بەزىلەر سىزنى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا، بەزىلەر ئىلياس پەيغەمبەر ۋە يەنە بەزىلەر يەرەمىيا ياكى باشقا قەدىمكى پەيغەمبەرلەردىن بىرى دەپ بىلىدىكەن، - دەپ جاۋاب بەردى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن: - سىلەرچۇ؟ سىلەر مېنى كىم دەپ بىلىسىلەر؟ - دەپ سورىدى. پېترۇس دەپمۇ ئاتالغان سىمۇن: - سىز مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ ئوغلى قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئىكەنسىز، - دەپ جاۋاب بەردى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - نېمىدېگەن بەختلىكسەن، يۇنۇس ئوغلى سىمۇن! بۇنى ساڭا ئاشكارىلىغۇچى ئىنسان ئەمەس، بەلكى ئەرشتىكى ئاتام خۇدادۇر. ساڭا شۇنى ئېيتايكى، سەن بولساڭ پېترۇس [مەنىسى «تاش»]. مەن جامائەتچىلىكىمنى بۇ تاش ئۈستىگە قۇرىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئۆلۈمنىڭ كۈچىمۇ غالىب كېلەلمەيدۇ. ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئاچقۇچلىرىنى ساڭا بېرىمەن. سېنىڭ يەر يۈزىدە يول قويغانلىرىڭ ئەرشتىمۇ يول قويۇلۇپ بولغان بولىدۇ. سېنىڭ يەر يۈزىدە يول قويمىغانلىرىڭ ئەرشتىمۇ يول قويۇلمىغان بولىدۇ، - دېدى. بۇ سۆزلەردىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا ئۆزىنىڭ قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئىكەنلىكىنى ھېچكىمگە تىنماسلىقنى تاپىلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنىڭ يېرۇسالېمغا كېتىشى، ئاقساقاللار، ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن كۆپ ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشى، ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە ئۈچىنچى كۈنى تىرىلدۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى شاگىرتلىرىغا ئۇقتۇرۇشقا باشلىدى. بۇ گەپنى ئاڭلىغان پېترۇس ھەزرىتى ئەيسانى بىر چەتكە تارتىپ، ئۇنى ئەيىبلەپ: - يا رەببىم، نېمىشقا بۇنداق خىيالدا بولىسىز؟ بېشىڭىزغا بۇنداق ئىشلار ئەسلا كەلمەيدۇ! - دېدى. لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا پېترۇسقا قاراپ: - يوقال كۆزۈمدىن، شەيتاندەك سۆزلەۋاتىسەن! سەن ماڭا پۇتلىكاشاڭ، سېنىڭ ئويلىغانلىرىڭ خۇدانىڭ ئەمەس، ئىنساننىڭ خىيالىدۇر، - دېدى. كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى: - كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى خالىسا، ئۆز خاھىشىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشسۇن! چۈنكى، ئۆزى ئۈچۈنلا ياشايدىغانلار ئەكسىچە ھاياتىدىن مەھرۇم بولىدۇ. بىراق، ئۆز خاھىشىدىن ۋاز كېچىپ، مېنىڭ ئۈچۈن ياشايدىغانلار ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ. بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ ھاياتىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟! نېمىنى تۆلەپمۇ ھاياتلىققا ئېرىشكىلى بولسۇن؟! ئىنسانئوغلى بولغان مەن ئاتامنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە پەرىشتىلىرى بىلەن كېلىپ، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىگە تۇشلۇق جاۋاب قايتۇرىمەن. بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ بەزىلىرى ئىنسانئوغلىنىڭ ئۆز پادىشاھلىقى ئىچىدە كەلگەنلىكىنى كۆرمىگۈچە ئۆلمەيدۇ. ئالتە كۈندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا پەقەت پېترۇس، ياقۇپ ۋە ياقۇپنىڭ ئىنىسى يۇھاننانىلا ئېلىپ، ئېگىز بىر تاغقا چىقتى. ئۇ يەردە ھەزرىتى ئەيسانىڭ قىياپىتى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆزگىرىپ، يۈزى قۇياشتەك پارلىدى، كىيىملىرى نۇردەك ئاپئاق بولۇپ چاقنىدى. توساتتىن، شاگىرتلارغا مۇسا پەيغەمبەر ۋە ئىلياس پەيغەمبەرنىڭ ھەزرىتى ئەيسا بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقى كۆرۈندى. پېترۇس ھەزرىتى ئەيساغا: - ئى رەببىم، بۇ يەردە بولغىنىمىز نېمىدېگەن ياخشى! خالىسىڭىز، بىرى سىزگە، بىرى مۇسا پەيغەمبەرگە، يەنە بىرى ئىلياس پەيغەمبەرگە دەپ، بۇ يەرگە ئۈچ كەپە ياساي، - دېدى. پېترۇسنىڭ گېپى تۈگىمەيلا، پارلاق بىر بۇلۇت ئۇلارنى قاپلىۋالدى. بۇلۇتتىن خۇدانىڭ: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم. مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن. ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار!» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. شاگىرتلار بۇنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن قورقۇشقان ھالدا يەرگە دۈم يېتىۋالدى. بىراق، ھەزرىتى ئەيسا كېلىپ، ئۇلارغا قولىنى تەگكۈزۈپ: - قوپۇڭلار، قورقماڭلار، - دېدى. ئۇلار بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، ھەزرىتى ئەيسادىن باشقا ھېچكىم كۆرۈنمىدى. تاغدىن چۈشۈۋېتىپ، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - ئىنسانئوغلى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلمىگۈچە، كۆرگەنلىرىڭلارنى ھېچكىمگە تىنماڭلار، - دەپ تاپىلىدى. ئاندىن شاگىرتلىرى ئۇنىڭدىن: - تەۋرات ئۇستازلىرى نېمە ئۈچۈن: «ئىلياس پەيغەمبەر قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ كېلىشتىن ئاۋۋال قايتىپ كېلىشى كېرەك» دېيىشىدۇ؟ - دەپ سوراشتى. ھەزرىتى ئەيسا جاۋابەن: - ئەلۋەتتە، ئىلياس پەيغەمبەر چوقۇم قۇتقۇزغۇچى- مەسىھتىن ئاۋۋال كېلىپ، ھەممىنى قېلىپىغا كەلتۈرىدۇ. بىلىپ قويۇڭلاركى، ئىلياس پەيغەمبەر ئاللىقاچان كەلدى، لېكىن كىشىلەر ئۇنى تونۇمىغانلىقتىن، ئۇنىڭغا قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمىدى. خۇددى شۇنىڭدەك، ئۇلار ئىنسانئوغلىغىمۇ ئازاب سالىدۇ، - دېدى. شۇ چاغدا، شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىلياس پەيغەمبەرنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى چۈشەندى. ئۇلار كۆپچىلىكنىڭ يېنىغا بارغىنىدا، بىر كىشى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ، تىزلىنىپ: - تەقسىر، ئوغلۇمنىڭ ھالىغا يەتكەيسىز! بالىنىڭ تۇتقاقلىق كېسىلى بولغاچقا، ھالى بەك خاراب، دائىم ئوتنىڭ ياكى سۇنىڭ ئىچىگە چۈشۈۋالىدۇ. ئۇنى شاگىرتلىرىڭىزغا ئېلىپ كەلگەنىدىم، ساقايتالمىدى، - دېدى. - ئەي ئېتىقادسىز ۋە چىرىك ئەۋلاد! مەن سىلەرنىڭ ماڭا ئىشەنمىگەنلىكىڭلارغا يەنە قاچانغىچە بەرداشلىق بېرەي؟ - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - بالىنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار. ھەزرىتى ئەيسا جىنغا بۇيرۇق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، جىن بالىدىن چىقىپ كەتتى، بالىمۇ شۇئان ساقايدى. كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا يالغۇز قالغاندا، شاگىرتلار ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: - بىز نېمە ئۈچۈن جىننى ھەيدىيەلمىدۇق؟ - دەپ سوراشتى. - ئېتىقادىڭلار ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن. بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەردە قىچا ئۇرۇقىدەك چوڭلۇقتا بولسىمۇ ئېتىقاد بولسىدى، ئاۋۇ تاغقا: «بۇ يەردىن ئۇ يەرگە كۆچ» دېسەڭلار، كۆچكەن بولاتتى. ئېتىقادىڭلار بولسا، قولۇڭلاردىن ھېچ ئىش قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. } بىراق، بۇنداق جىنلارنى دۇئا قىلىش ۋە روزا تۇتۇش بىلەنلا ھەيدىگىلى بولىدۇ، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا.{ ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن كەپەرناھۇم شەھىرىگە كەلگىنىدە، ئىبادەتخانا بېجىنى يىغقۇچىلار پېترۇسنىڭ يېنىغا كېلىپ: - ئۇستازىڭلار ئىبادەتخانا بېجىنى تۆلىمەمدۇ؟ - دەپ سورىدى. - تۆلەيدۇ، - دېدى پېترۇس. پېترۇس ئۆيگە كەلگەندە، ئۇ تېخى بىر نېمە دېمەستىلا ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭدىن: - سىمۇن، سېنىڭچە دۇنيادىكى پادىشاھلار كىملەردىن باج ئالىدۇ؟ ئۆز پەرزەنتلىرىدىنمۇ ياكى باشقىلاردىنمۇ؟ - دەپ سورىدى. پېترۇس: - باشقىلاردىن، - دېيىشى بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا: - ئۇنداقتا، پەرزەنتلەر باجدىن خالىي بولىدۇ. بىراق، باج يىغقۇچىلارنىڭ چىشىغا تەگمەيلى، كۆلگە بېرىپ قارماقنى تاشلا. تۇتقان بىرىنچى بېلىقنىڭ ئاغزىنى ئاچساڭ، بىر تەڭگە پۇل چىقىدۇ. ئۇنى ئېلىپ ئىككىمىزنىڭ بېجى ئۈچۈن ئۇلارغا بەر، - دېدى. بۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: - ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىدا كىم ئەڭ ئۇلۇغ؟ - دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا يېنىغا كىچىك بىر بالىنى چاقىرىپ، ئۇنى ئوتتۇرىدا تۇرغۇزۇپ، مۇنداق دېدى: - بىلىپ قويۇڭلاركى، يامان يولۇڭلاردىن يېنىپ، كىچىك بالىلاردەك سەبىي بولمىساڭلار، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىغا ھەرگىز كىرەلمەيسىلەر. كىم ئۆزىنى كىچىك بالىلاردەك تۆۋەن تۇتسا، ئۇ ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىدا ئەڭ ئۇلۇغ بولىدۇ. كىم مېنى دەپ، بۇنداق كىچىك بالىلارنى قوبۇل قىلسا، ئۇ مېنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. لېكىن، كىمدەكىم ماڭا ئېتىقاد قىلغان بۇنداق كىچىكلەردىن بىرىنى گۇناھقا ئازدۇرسا، شۇ ئادەم ئۈچۈن ئېيتقاندا بوينىغا يوغان تۈگمەن تېشى ئېسىلغان ھالدا دېڭىزنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىگە چۆكتۈرۈلگىنى ئەۋزەل. ئىنساننى گۇناھقا ئازدۇرىدىغان تۇزاقلار تۈپەيلىدىن، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرىنىڭ ھالىغا ۋاي! بۇنداق تۇزاقلاردىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ، لېكىن شۇ تۇزاقلارنى قۇرغۇچىنىڭ ھالىغا ۋاي! ئەگەر قولۇڭ ياكى پۇتۇڭ سېنى گۇناھقا ئازدۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلا. ئىككى قولۇڭ ياكى ئىككى پۇتۇڭ بار ھالدا مەڭگۈ ئۆچمەس دوزاخ ئوتىغا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، چولاق ياكى توكۇر ھالدا مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكىنىڭ ئەۋزەل. ئەگەر كۆزۈڭ سېنى گۇناھقا ئازدۇرسا، ئۇنى ئويۇپ تاشلا. ئىككى كۆزۈڭ بار ھالدا مەڭگۈ ئۆچمەس دوزاخ ئوتىغا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، بىرلا كۆزۈڭ بىلەن بولسىمۇ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكىنىڭ ئەۋزەل. - بۇ سەبىيلەرنىڭ ھەرقانداق بىرىگىمۇ سەل قاراشتىن ساقلىنىڭلار. شۇنى ئېيتايكى، ئۇلارنىڭ ئەرشتىكى پەرىشتىلىرى ئەرشتىكى ئاتام خۇدانىڭ جامالىنى ھەر دائىم كۆرۈپ تۇرىدۇ. ئىنسانئوغلى ئازغان ئادەملەرنى قۇتقۇزغىلى كەلدى. ئويلاپ بېقىڭلارچۇ؟ بىر ئادەمنىڭ يۈز تۇياق قويى بولۇپ، ئۇنىڭدىن بىرى ئادىشىپ قالسا، ئۇ توقسان توققۇز قوينى تاغقا تاشلاپ، ھېلىقى ئاداشقان قويىنى ئىزدىمەمدۇ؟ بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەگەر ئۇنى تېپىۋالسا، ئۇ قوي ئۈچۈن بولغان خۇشاللىقى ئاداشمىغان توقسان توققۇزى ئۈچۈن بولغان خۇشاللىقىدىن چوڭ بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ بۇ سەبىيلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئېزىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ. - ئەگەر قېرىندىشىڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويسا، ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ سەۋەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەر. ھەرقانداق ئىش ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىدىلا قالسۇن. قېرىندىشىڭ سۆزۈڭنى ئاڭلىسا، ئۇنىڭ بىلەن يارىشىۋالغان بولىسەن. لېكىن ئاڭلىمىسا، سېنىڭ ئېيتقانلىرىڭنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇش ئۈچۈن يەنە بىر-ئىككى كىشىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ يېنىغا بارغىن. ھەممە ئىشتا ئىككى-ئۈچ ئادەم گۇۋاھچى بولسۇن. ئەگەر قېرىندىشىڭ ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىسا، ئەھۋالنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە ئۇقتۇرۇپ قوي. ئەگەر ئۇلارنىڭكىگىمۇ قۇلاق سالمىسا، ئۇنى بۇتپەرەس ياكى ئىنساپسىز باجگىر قاتارىدا كۆر. بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەرنىڭ يەر يۈزىدە يول قويغانلىرىڭلار ئەرشتىمۇ يول قويۇلۇپ بولغان بولىدۇ. سىلەرنىڭ يەر يۈزىدە يول قويمىغانلىرىڭلار ئەرشتىمۇ يول قويۇلمىغان بولىدۇ. شۇنى يەنە بىلىپ قويۇڭلاركى، يەر يۈزىدە ئاراڭلاردىن ئىككى كىشى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بىر نەرسىنى تىلەپ دۇئا قىلسا، ئەرشتىكى ئاتام ئۇلارنىڭ تىلىكىنى ئىجابەت قىلىدۇ. چۈنكى، ئىككى ياكى ئۈچ كىشى مېنىڭ نامىم بىلەن قەيەردە جەم بولسا، مەنمۇ شۇ يەردە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولىمەن. بۇ چاغدا، پېترۇس ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: - ئى رەببىم، قېرىندىشىمنىڭ مېنىڭ ئالدىمدا ئۆتكۈزگەن قانچە قېتىملىق گۇناھىنى كەچۈرۈشۈم كېرەك؟ يەتتە قېتىممۇ؟ - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - بىلىپ قويغىنكى، يەتتە قېتىم ئەمەس، يەتمىش يەتتە قېتىم. دېمەك، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى چاكارلىرى بىلەن ھېساب-كىتاب قىلماقچى بولغان بىر پادىشاھقا ئوخشايدۇ. پادىشاھ ھېساب-كىتابنى باشلىغىنىدا، ئۇنىڭغا مىليونلىغان كۈمۈش تەڭگە قەرزدار بولغان بىر چاكار كەلتۈرۈلۈپتۇ. چاكارنىڭ تۆلەش ئىقتىدارى بولمىغانلىقتىن، پادىشاھ ئۇنىڭغا ئۆزىنى، خوتۇن بالا-چاقىسى ۋە بار-يوقىنى سېتىپ، قەرزىنى تۆلەشنى بۇيرۇپتۇ. چاكار يەرگە تىزلىنىپ تۇرۇپ، خوجايىنى پادىشاھقا: «ماڭا كەڭچىلىك قىلغايلا، پۈتۈن قەرزىمنى چوقۇم تۆلەيمەن» دەپ يالۋۇرۇپتۇ. خوجايىنىنىڭ چاكارغا ئىچى ئاغرىپ، قەرزىنى كەچۈرۈم قىلىپ ئۇنى قويۇپ بېرىپتۇ. لېكىن، چاكار ئۇ يەردىن چىقىپ، ئۆزىگە بىرنەچچە تەڭگە قەرزدار بولغان يەنە بىر چاكارنى ئۇچرىتىپتۇ. ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، بوينىنى سىقىپ تۇرۇپ: «قەرزىڭنى تۆلە» دەپتۇ. بۇ چاكارمۇ يەرگە تىزلىنىپ تۇرۇپ: «ماڭا كەڭچىلىك قىل، قەرزىمنى چوقۇم تۆلەيمەن» دەپ يالۋۇرۇپتۇ. لېكىن، باشتىكى چاكار بۇنى رەت قىپتۇ ۋە ئۇنى زىندانغا تاشلىتىپ: «پۈتۈن قەرزنى تۆلىمىگۈچە، زىنداندا ياتىسەن» دەپتۇ. بۇ ئەھۋالنى ئۇقۇپ ئىچى ئىنتايىن ئاغرىغان باشقا چاكارلار خوجايىنىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئەھۋالنى باشتىن-ئاخىر خەۋەر قىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن، خوجايىن چاكارنى چاقىرتىپ: «ئەي يامان چاكار، ماڭا يالۋۇرغانلىقىڭ ئۈچۈن شۇنچە كۆپ قەرزىڭنى كەچۈردۈم. مەن ساڭا ئىچ ئاغرىتقىنىمدەك، سەنمۇ چاكار بۇرادىرىڭگە ئىچ ئاغرىتىشىڭ كېرەك ئىدىغۇ؟» دەپتۇ. بۇنىڭ بىلەن، غەزەپلەنگەن خوجايىن ئۇنى پۈتۈن قەرزىنى تۆلىگۈچە زىنداندا ياتقۇزۇش ئۈچۈن، ۋەھشىي گۇندىپايلارغا تاپشۇرۇپ بېرىپتۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر ھەممىڭلار قېرىنداشلىرىڭلارنى دىلىڭلاردىن كەچۈرمىسەڭلار، ئەرشتىكى ئاتاممۇ سىلەرنى كەچۈرمەيدۇ. ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن، جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن ئايرىلىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىكى رايونلارغا باردى. زور بىر توپ ئادەم ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەنىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كېسەللەرنى شۇ يەردىلا ساقايتتى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا كەلگەن بەزى پەرىسىيلەر ئۇنىڭغا تۇزاق قۇرۇش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن: - بىر ئادەمنىڭ ھەرقانداق بىر سەۋەب بىلەن ئايالىنى تالاق قىلىشى تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ؟ - دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: - تەۋراتنى ئوقۇمىدىڭلارمۇ؟ ياراتقۇچى بۇرۇنلا ئىنسانلارنىڭ بىر گەۋدە بولۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى «ئەر ۋە ئايال قىلىپ ياراتتى» ۋە «بىر ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئايالى بىلەن بىرلىشىپ بىر تەن بولۇشى ئەنە شۇ سەۋەبتىندۇر» دېدى. شۇنداق ئىكەن، ئەر-ئايال ئەمدى ئىككى تەن ئەمەس، بىر تەندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا قوشقاننى ئىنسان ئايرىمىسۇن. پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسادىن: - ئۇنداقتا، مۇسا پەيغەمبەر نېمە ئۈچۈن تەۋرات قانۇنىدا ئەرلەرنىڭ ئۆز ئاياللىرىغا بىر پارچە تالاق خېتىنى بېرىپلا ئۇلارنى تالاق قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى؟ - دەپ سوراشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - تەرسالىقىڭلاردىن مۇسا پەيغەمبەر ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلسا رۇخسەت قىلغان. بىراق، ئالەم ئاپىرىدە بولغاندا بۇنداق ئەمەس ئىدى. بىلىپ قويۇڭلاركى، ئايالىنى جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن باشقا بىرەر سەۋەب بىلەن تالاق قىلىپ، باشقا بىرىنى ئەمرىگە ئالغان كىشى زىنا قىلغان بولىدۇ. شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيساغا: - ئەگەر ئەر بىلەن ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت شۇنداق بولسا، ئۇنداقتا ئۆيلەنمەسلىك ياخشى ئىكەن، - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - بۇ دېگەنلىكنى ھەممىلا ئادەم ئەمەس، پەقەت خۇدا نېسىپ قىلغانلارلا قوبۇل قىلالايدۇ. ئۆيلەنمەيدىغان كىشىلەر خىلمۇخىلدۇر. بەزىلەر تۇغما جىنسىي ئىقتىدارى ئاجىزلار، بەزىلەر باشقىلار تەرىپىدىن ئاختا قىلىنغانلار، يەنە بەزىلەر ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى ئۈچۈن ئۆيلىنىشتىن ۋاز كەچكەنلەردۇر. بۇ دېگەنلىكنى قوبۇل قىلالايدىغانلار قوبۇل قىلسۇن! - دېدى. قولىنى تەگكۈزۈپ بەخت تىلىسۇن دەپ، كىشىلەر كىچىك بالىلىرىنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. بىراق، شاگىرتلار ئۇلارنى ئەيىبلىدى. ھەزرىتى ئەيسا: - بالىلار ئالدىمغا كەلسۇن، ئۇلارنى توسماڭلار. چۈنكى، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىدىغانلار دەل مۇشۇلارغا ئوخشاشلاردۇر، - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا قوللىرىنى ئۇلارغا تەگكۈزۈپ بەخت تىلىگەندىن كېيىن، ئۇ يەردىن ئايرىلدى. بىر كۈنى، بىر يىگىت ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: - ئۇستاز، مەن قانداق ياخشى ئىشلارنى قىلسام، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىمەن؟ - دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ياخشىلىق توغرىسىدا نېمىشقا مەندىن سورايسىز؟ ياخشى بولغۇچىدىن پەقەت بىرىلا بار. مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى ئادا قىلىڭ، - دېدى. - قايسى ئەمرلەرنى دەيسىز؟ - دەپ سورىدى ھېلىقى يىگىت. ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - قاتىللىق قىلما، زىنا قىلما، ئوغرىلىق قىلما، يالغان گۇۋاھلىق بەرمە، ئاتا-ئاناڭغا ھۆرمەت قىل ۋە قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي. - بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىمەن. بۇلاردىن باشقا يەنە نېمىلەرنى قىلىشىم كېرەك؟ - دەپ سورىدى يىگىت. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ئەگەر كەم-كۈتىسىز بولۇشنى خالىسىڭىز، بېرىپ بارلىق مال-مۈلكىڭىزنى سېتىپ، پۇلىنى كەمبەغەللەرگە بېرىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، ئەرشتە خەزىنىڭىز بولىدۇ. ئاندىن كېلىپ ماڭا ئەگىشىڭ، - دېدى. بۇ سۆزنى ئاڭلىغان يىگىت قايغۇ ئىچىدە ئۇ يەردىن كېتىپ قالدى. چۈنكى، ئۇنىڭ مال-دۇنياسى ناھايىتى كۆپ ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا: - بىلىپ قويۇڭلاركى، بايلارنىڭ ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشى تەس. يەنە شۇنى ئېيتايكى، ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشى تۆگىنىڭ يىڭنە تۆشۈكىدىن ئۆتۈشىدىنمۇ تەس! - دېدى. بۇنى ئاڭلىغان شاگىرتلار بەكمۇ ھەيران بولۇشۇپ: - ئۇنداقتا، كىم قۇتقۇزۇشقا ئېرىشەلەيدۇ؟ - دەپ سوراشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا قاراپ: - بۇ، ئىنسانلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ، لېكىن خۇدا ھەممىگە قادىردۇر، - دېدى. بۇنىڭ بىلەن، پېترۇس ئۇنىڭدىن: - مانا بىز ھەممىنى تاشلاپ سىزگە ئەگەشتۇق! بىز بۇنىڭدىن نېمىگە ئېرىشىمىز؟ - دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - بىلىپ قويۇڭلاركى، يېڭى دۇنيا يېتىپ كېلىپ، ئىنسانئوغلى شانلىق تەختىدە ئولتۇرغىنىدا، سىلەر - ماڭا ئەگەشكەنلەر ئون ئىككى تەختتە ئولتۇرۇپ، ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىسىلەر. مېنى دەپ ئۆيلىرى، قېرىنداشلىرى، ئاتا-ئانىسى، بالا-چاقىلىرى ياكى يەر-زېمىنلىرىدىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ھەممىسى يوقاتقانلىرىدىن يۈز ھەسسە ئارتۇقراققا ئېرىشىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتتىن بەھرىمەن بولىدۇ. لېكىن شۇ چاغدا، نۇرغۇن ئالدىنقى قاتاردىكىلەر ئاخىرقىلار بولىدۇ، نۇرغۇن ئاخىرقىلار ئالدىنقى قاتارغا چىقىدۇ. ھەزرىتى ئەيسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مۇنداق دېدى: - چۈنكى، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى بىر يەر ئىگىسىگە ئوخشايدۇ. يەر ئىگىسى ئۈزۈمزارلىقىدا ئىشلەشكە ئادەم ياللاش ئۈچۈن قاق سەھەردە سىرتقا چىقىپتۇ. ئۇ ئىشلەمچىلەرنىڭ كۈنلۈكىگە بىر كۈمۈش تەڭگىدىن بېرىشكە كېلىشىپ، ئۇلارنى ئۈزۈمزارلىقىغا ئەۋەتىپتۇ. سائەت توققۇز ئەتراپىدا ئۇ يەنە سىرتقا چىقىپ، بازاردا بىكار يۈرگەن باشقا كىشىلەرنى كۆرۈپتۇ. ئۇلارغا: «سىلەرمۇ ئۈزۈمزارلىقىمغا بېرىپ ئىشلەڭلار، ھەققىڭلارنى مۇۋاپىق بېرىمەن» دەپتۇ. ئۇلار ئۈزۈمزارلىققا بېرىپتۇ. چۈش ۋاقتىدا ۋە چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە ئۇ قايتا چىقىپ، يەنە شۇنداق ئىشلەمچىلەردىن بىرنەچچىنى ياللاپتۇ. سائەت بەشلەردە چىققىنىدا، ئۇ يەردە تۇرغان يەنە باشقىلارنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن: «نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە كۈن بويى بىكار يۈرىسىلەر؟» دەپ سوراپتۇ. «بىزنى ھېچكىم ياللىمىدى» دەپ جاۋاب قايتۇرۇپتۇ ئۇلار. «ئۇنداقتا، سىلەرمۇ ئۈزۈمزارلىقىمغا بېرىپ ئىشلەڭلار» دەپتۇ يەر ئىگىسى ئۇلارغا. كەچقۇرۇنلۇقى، يەر ئىگىسى غوجىدارغا: «ئىشلەمچىلەرنى چاقىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا كەلگەنلەردىن باشلاپ ئەڭ ئاۋۋال كەلگەنلەرگىچە ھەممىسىنىڭ ئىش ھەققىنى بەر» دەپتۇ. چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتە ئىشقا چۈشكەنلەر كېلىپ، غوجىداردىن بىر كۈمۈش تەڭگىدىن ئېلىشىپتۇ. ئەڭ ئاۋۋال ئىشقا چۈشكەنلەر تېخىمۇ كۆپ ئىش ھەققى ئالىمىزغۇ، دەپ ئويلىشىپتۇ. بىراق، ئۇلارغا نۆۋەت كەلگەندە، غوجىدار ئۇلارغىمۇ بىر كۈمۈش تەڭگىدىن بېرىپتۇ. ئۇلار ئىش ھەققىنى ئالغاندىن كېيىن، يەر ئىگىسىدىن رەنجىپ: «كېيىن كەلگەنلەر پەقەت بىر سائەتلا ئىشلىدى، بىراق سىز ئۇلارغا كۈن بويى قاتتىق ئىسسىقتا ئازاب چەككەن بىزگە ئوخشاش ھەق بەردىڭىز!» دېيىشىپتۇ. يەر ئىگىسى ئۇلارنىڭ بىرىگە مۇنداق جاۋاب قايتۇرۇپتۇ: «بۇرادەر، ساڭا ناھەقلىق قىلغىنىم يوق! سەن بىلەن بىر كۈمۈش تەڭگىگە كېلىشمىگەنمىدۇق؟ ھەققىڭنى ئېلىپ قايتىپ كەتكىن، كېيىن كەلگەنلەرگىمۇ ساڭا ئوخشاش بەرسەم نېمە بوپتۇ؟ ئۆز پۇلۇمنى ئۆزۈم بىلگەنچە ئىشلىتىش ھوقۇقۇم يوقمۇ؟ سېخىيلىقىمنى كۆرەلمەيۋاتامسەن-يا؟» دېمەك، ئاخىرقى بولغانلار كەلگۈسىدە ئالدىنقىلار بولىدۇ، ئالدىنقى بولغانلار كەلگۈسىدە ئاخىرقىلار بولىدۇ. ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمغا كېتىۋېتىپ، يولدا ئون ئىككى شاگىرتىنى بىر چەتكە تارتىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - مانا بىز ھازىر يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمىز. ئىنسانئوغلى ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىغا تاپشۇرۇلىدۇ. ئۇلار ئۇنى ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىپ، رىملىقلارغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. رىملىقلار ئۇنى مەسخىرە قىلىپ، قامچىلاپ، كرېستكە مىخلايدۇ. لېكىن، ئۇ ئۈچىنچى كۈنى قايتا تىرىلىدۇ. شۇ چاغدا، زەبەدىينىڭ ئايالى ئون ئىككى شاگىرت ئىچىدىكى ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە ئۇنىڭغا تەزىم قىلىپ تۇرۇپ، بىر تەلىپى بارلىقىنى ئېيتتى. - نېمە تەلىپىڭىز بار؟ - دەپ سورىدى ھەزرىتى ئەيسا. ئايال ئۇنىڭغا: - قوبۇل قىلغايسىز، سىزنىڭ پادىشاھلىقىڭىزدا بۇ ئىككى ئوغلۇمدىن بىرى ئوڭ يېنىڭىزدا، بىرى سول يېنىڭىزدا ئولتۇرسۇن، - دېدى. - سىلەر نېمە تەلەپ قىلغانلىقىڭلارنى بىلمەيۋاتىسىلەر، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - مەن ئىچىدىغان ئازاب قەدىھىنى ئىچەلەمسىلەر؟ - ئىچەلەيمىز، - دېيىشتى ئۇلار. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - سىلەر ھەقىقەتەنمۇ مېنىڭ ئازاب قەدىھىمگە ئورتاق بولىسىلەر. بىراق، ئوڭ ياكى سول يېنىمدا ئولتۇرۇشۇڭلارغا رۇخسەت قىلىش مېنىڭ ئىختىيارىمدا ئەمەس. ئاتام ئۇ ئورۇنلارنى كىملەرگە تەييارلىغان بولسا، شۇلار ئولتۇرىدۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان باشقا ئون شاگىرت بۇ ئىككى قېرىندىشىدىن خاپا بولدى. لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى يېنىغا چاقىرىپ، مۇنداق دېدى: - سىلەرگە مەلۇم، بۇ دۇنيادىكى ھۆكۈمرانلار قول ئاستىدىكى خەلق ئۈستىدىن رەھىمسىزلىك بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ. ئەمىرلىرى ئۇلارنى قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىدارە قىلىدۇ. بىراق، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بۇنداق ئىش بولمىسۇن. سىلەردىن كىم مەرتىۋىلىك بولۇشنى خالىسا، ئۇ قالغانلارغا خىزمەت قىلسۇن. كىم ئالدىنقىسى بولۇشنى خالىسا، ئۇ قالغانلارنىڭ قۇلى بولسۇن. ئىنسانئوغلىمۇ باشقىلارنى ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرغىلى ئەمەس، باشقىلارغا خىزمەت قىلغىلى ۋە جېنىنى پىدا قىلىش بەدىلىگە نۇرغۇن ئادەملەرنى گۇناھتىن ئازاد قىلغىلى كەلدى. ئۇلار ئېرىخا شەھىرىدىن ئايرىلغاندا، توپ-توپ كىشىلەر ھەزرىتى ئەيساغا ئەگىشىپ ماڭدى. يول بويىدا ئولتۇرغان ئىككى قارىغۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىنى ئاڭلاپ: - ئى تەقسىر، پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى، رەھىم قىلغايسىز، - دەپ توۋلىدى. كۆپچىلىك ئۇلارنى ئەيىبلەپ، ئۈنىنى چىقارماسلىقىنى ئېيتتى. لېكىن، ئۇلار: - يا رەببىم، ئى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى، بىزگە رەھىم قىلغايسىز! - دەپ تېخىمۇ ئۈنلۈك توۋلىدى. ھەزرىتى ئەيسا قەدىمىنى توختىتىپ، ئۇلارنى چاقىرىپ: - مەندىن نېمە تەلەپ قىلىسىلەر؟ - دەپ سورىدى. - يا رەببىم، كۆزلىرىمىزنى ئاچقايسىز! - دېيىشتى ئۇلار. ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتقان ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە قولىنى تەگكۈزگەنىدى، كۆزلىرى شۇئان ئېچىلىپ كەتتى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيساغا ئەگىشىپ ماڭدى. ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن يېرۇسالېمغا يېقىنلىشىپ، زەيتۇن تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى بەيتپاجى يېزىسىغا كەلگىنىدە، ھەزرىتى ئەيسا ئىككى شاگىرتىنى مۇنداق دەپ ئالدىن ئەۋەتتى: - سىلەر ئالدىمىزدىكى يېزىغا بېرىڭلار. ئۇ يەردە باغلاقلىق بىر ئېشەك ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى بىر تەخەينى كۆرىسىلەر. ئۇلارنى يېشىپ ئالدىمغا يېتىلەپ كېلىڭلار. بىرسى سىلەرگە بىر نېمە دېسە، «رەببىمىزنىڭ بۇلارغا ھاجىتى چۈشتى» دەڭلار. ئۇمۇ دەرھال تەلىپىڭلارغا قوشۇلىدۇ. بۇ ۋەقە پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتىلغان مۇنۇ سۆزلەرنى ئەمەلگە ئاشۇردى: «يېرۇسالېم خەلقىگە ئېيتىڭلار: ˜مانا، پادىشاھىڭلار كېلىۋاتىدۇ، ئۇ كىچىك پېئىللىق بىلەن بىر ئېشەككە، تەخەيگە مىنىپ، سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا كېلىۋاتىدۇ.Œ» ھېلىقى ئىككى شاگىرت بېرىپ ھەزرىتى ئەيسانىڭ دېگىنىدەك قىلدى. ئېشەك بىلەن تەخەينى يېتىلەپ كېلىپ، ئۈستىلىرىگە چاپانلىرىنى سالدى ۋە ھەزرىتى ئەيسانى ئۈستىگە مىندۈردى. نۇرغۇن كىشىلەر چاپانلىرىنى يولغا پايانداز قىلىپ سالدى. بەزىلىرى دەرەخ شاخلىرىنى كېسىپ يولغا يايدى. ئالدىدا ماڭغان ۋە كەينىدىن ئەگەشكەن خالايىق: «پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى ئۈچۈن خۇداغا شۈكۈر! پەرۋەردىگارىمىزنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن! ئەرشىئەلادىكى خۇداغا شۈكۈرلەر ئوقۇلسۇن!» دەپ ۋارقىرىشاتتى. ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمغا كىرگەندە، پۈتۈن شەھەر لەرزىگە كەلدى. كىشىلەر: - بۇ كىمدۇ؟ - دېيىشەتتى. خالايىق: - بۇ جەلىلىيە ئۆلكىسىنىڭ ناسىرە شەھىرىدىن بولغان ئەيسا پەيغەمبەر، - دەپ جاۋاب بېرىشەتتى. ھەزرىتى ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى ھەيدەپ چىقاردى. پۇل تېگىشىدىغانلارنىڭ شىرەلىرىنى ۋە كەپتەر ساتقۇچىلارنىڭ ئورۇندۇقلىرىنى ئۆرۈۋېتىپ، ئۇلارغا: - مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ: «مېنىڭ ئۆيۈم دۇئا-تىلاۋەتخانا دەپ ئاتالسۇن» دېگەن سۆزى يېزىلغان. لېكىن، سىلەر ئۇنى بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇۋاتىسىلەر! - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا ئالدىغا ئېلىپ كېلىنگەن قارىغۇ ۋە توكۇرلارنى ساقايتتى. لېكىن، ئالىي روھانىيلار بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنىڭ ياراتقان مۆجىزىلىرىنى ۋە ئىبادەتخانىدا: «پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى ئۈچۈن خۇداغا شۈكۈر!» دەپ توۋلىغان بالىلارنى كۆرۈپ غەزەپلەندى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيسادىن: - بۇ بالىلارنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاۋاتامسەن؟ - دەپ سورىدى. - ئاڭلاۋاتىمەن، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - سىلەر مۇقەددەس يازمىلاردىكى: «كىچىك بالىلار ۋە بوۋاقلارنىڭ تىللىرىدىن ئۆزۈڭگە مەدھىيىلەر كەلتۈردۈڭ» دېگەن سۆزلەرنى زادى ئوقۇمىغانمۇ؟ ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن ئايرىلىپ، شەھەردىن چىقىپ بەيتانىيا يېزىسىغا بېرىپ، كېچىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزدى. ئەتىسى ئەتىگەندە ھەزرىتى ئەيسا شەھەرگە قايتىپ كېتىۋاتقاندا، قورسىقى ئېچىپ كەتكەنىدى. ئۇ يول بويىدىكى بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يېنىغا باردى. دەرەختە يوپۇرماقتىن باشقا ھېچ نەرسە تاپالماي، دەرەخكە قاراپ: - بۇنىڭدىن كېيىن مەڭگۈ مېۋە بەرمىگەيسەن! - دېۋىدى، ئەنجۈر دەرىخى شۇئان قۇرۇپ كەتتى. بۇنى كۆرگەن شاگىرتلار ھەيران بولۇپ: - ئەنجۈر دەرىخى قانداقچە بىردىنلا قۇرۇپ كەتتى! - دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: - بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەگەر قىلچە گۇمانلانماي خۇداغا ئىشەنسەڭلار، مەن ئەنجۈر دەرىخىگە قىلغاننى سىلەرمۇ قىلالايسىلەر. ھەتتا بۇ تاغقا: «قوزغال، دېڭىزغا تاشلان!» دېسەڭلارمۇ، دېگىنىڭلار ئىجابەت بولىدۇ. ئىشەنچىڭلار بولسا، دۇئا بىلەن تىلىگەن ھەرقانداق نەرسىگە ئېرىشىسىلەر. ھەزرىتى ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ، كىشىلەرگە تەلىم بېرىۋاتقاندا، ئالىي روھانىيلار ۋە خەلق ئاقساقاللىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: - سىز قىلىۋاتقان ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتىسىز؟ سىزگە بۇ ھوقۇقنى كىم بەرگەن؟ - دەپ سوراشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - مەن ئاۋۋال سىلەردىن بىر سوئال سوراي. ئەگەر سىلەر جاۋاب بەرسەڭلار، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتىپ بېرىمەن. يەھيا پەيغەمبەرگە چۆمۈلدۈرۈش ھوقۇقىنى كىم بەرگەن؟ خۇدامۇ ياكى ئىنسانلارمۇ؟ ئۇلار ئۆزئارا مۇنازىرە قىلىشقا باشلاپ: - ئەگەر «خۇدا بەرگەن» دېسەك، ئۇ: «ئۇنداقتا، سىلەر نېمە ئۈچۈن يەھياغا ئىشەنمىدىڭلار؟» دەيدۇ. ئەگەر: «ئىنسانلار بەرگەن» دېسەك، خەلقنىڭ غەزىپىدىن قورقمىساق بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار يەھيانى پەيغەمبەر، دەپ قارايدۇ، - دېيىشتى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ھەزرىتى ئەيساغا: - بىلمەيمىز، - دەپ جاۋاب بېرىشتى. - ئۇنداقتا، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتمايمەن، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا. ھەزرىتى ئەيسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: - سىلەر بۇ ئىشقا قانداق قارايسىلەر؟ بىر ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىكەن. ئۇ چوڭ ئوغلىغا: «ئوغلۇم، بۈگۈن ئۈزۈمزارلىققا بېرىپ ئىشلىگىن» دەپتۇ. «بارمايمەن» دەپتۇ ئوغلى، لېكىن كېيىن پۇشايمان قىلىپ يەنىلا بېرىپتۇ. ئۇ ئادەم ئىككىنچى ئوغلىغىمۇ شۇنداق دەپتۇ. ئۇ: «خوپ دادا، باراي» دەپتۇيۇ، لېكىن بارماپتۇ. بۇ ئىككىيلەننىڭ قايسىسى ئاتىسىنىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇندىغان بولىدۇ؟ - چوڭ ئوغلى، - دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - بىلىپ قويۇڭلاركى، ئىنساپسىز باجگىرلار بىلەن پاھىشىلەر خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا سىلەردىن بۇرۇن كىرىدۇ. چۈنكى، گەرچە يەھيا پەيغەمبەر سىلەرگە ھەققانىيەت يولىنى كۆرسەتكىلى كەلگەن بولسىمۇ، سىلەر ئۇنىڭغا ئىشەنمىدىڭلار؛ لېكىن باجگىرلار بىلەن پاھىشىلەر ئۇنىڭغا ئىشەندى. سىلەر بۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ، گۇناھىڭلارغا توۋا قىلىپ ئۇنىڭغا ئىشەنمىدىڭلار. - يەنە بىر تەمسىل ئاڭلاڭلار: بىر يەر ئىگىسى بىر ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىپ، ئەتراپىنى چىتلاپتۇ. مۇسەللەس ئىشلەش ئۈچۈن ئۈزۈمزارلىققا بىر كۆلچەك قازدۇرۇپتۇ ۋە بىر كۆزەتخانا ياسىتىپتۇ. كېيىن، ئۈزۈمزارلىقنى ئىجارىگە بېرىپ، ئۆزى يىراق بىر يەرگە كېتىپتۇ. ئۈزۈم ئۈزۈش ۋاقتى كەلگەندە ئۆزىگە تېگىشلىك ھوسۇلنى ئەكېلىش ئۈچۈن، قۇللىرىنى ئىجارىكەشلەرنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ. لېكىن، ئىجارىكەشلەر قۇللارنى تۇتۇۋېلىپ، بىرىنى دۇمبالاپتۇ، بىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ، يەنە بىرىنى چالما-كېسەك قىپتۇ. يەر ئىگىسى بۇ قېتىم ئالدىنقىدىنمۇ كۆپ قۇللىرىنى ئەۋەتىپتۇ، بىراق ئىجارىكەشلەر ئۇلارغىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىپتۇ. ئاخىردا، يەر ئىگىسى «ئوغلۇمنىغۇ ھۆرمەت قىلار» دەپ، ئۇنى ئەۋەتىپتۇ. لېكىن، ئىجارىكەشلەر يەر ئىگىسىنىڭ ئوغلىنى كۆرۈپ، ئۆزئارا: «بۇ بولسا مىراسخور؛ كېلىڭلار، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ ئۈزۈمزارلىقىنى ئىگىلىۋالايلى» دېيىشىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇنى تۇتۇپ ئۈزۈمزارلىقنىڭ سىرتىغا سۆرەپ ئاچىقىپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۈزۈمزارلىقنىڭ خوجايىنى كەلسە، ئىجارىكەشلەرنى قانداق قىلىدۇ؟ ئۇلار ھەزرىتى ئەيساغا: - بۇ ۋەھشىي ئادەملەرنى قورقۇنچلۇق شەكىلدە يوقىتىدۇ. ئۈزۈمزارلىقنى بولسا ئىجارىسىنى ئۆز ۋاقتىدا تاپشۇرىدىغان كىشىلەرگە ئىجارىگە بېرىدۇ، - دەپ جاۋاب بېرىشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن سورىدى: - زەبۇردىكى مۇنۇ سۆزلەرنى زادى ئوقۇمىغانمىدىڭلار؟ «تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش قۇرۇلۇشنىڭ ئۇل تېشى بولۇپ قالدى. بۇ، پەرۋەردىگار تەرىپىدىندۇر، بىز ئۈچۈن ئاجايىپ بىر ئىشتۇر.» بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر شۇ سەۋەبتىن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدىن مەھرۇم قىلىنىسىلەر، خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ياشايدىغان كىشىلەر ئۇنىڭغا ئىگە بولىدۇ. بۇ «تاش»~قا يىقىلغان كىشى پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ. «تاش» كىمنىڭ ئۈستىگە چۈشسە، شۇنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتىدۇ. ئالىي روھانىيلار ۋە پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئېيتقان تەمسىللىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىگە قارىتىپ ئېيتقانلىقىنى چۈشەندى. ئۇنى تۇتۇشنى ئويلىسىمۇ، خەلقتىن قورقۇشتى، چۈنكى خەلق ئۇنى پەيغەمبەر، دەپ قارايتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە تەمسىل بىلەن مۇنداق دېدى: - ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى خۇددى بىر پادىشاھنىڭ ئوغلى ئۈچۈن تەييارلىغان توي زىياپىتىگە ئوخشايدۇ. توي كۈنى، پادىشاھ زىياپەتكە تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلارنى چاقىرىش ئۈچۈن چاكارلىرىنى ئەۋەتىپتۇ، لېكىن مېھمانلار كېلىشنى خالىماپتۇ. بۇنىڭ بىلەن، پادىشاھ يەنە باشقا چاكارلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا: «مېھمانلارغا: ˜قاراڭلار، زىياپەت تەييار بولدى. ئۆكۈز ۋە سېمىز ماللار سويۇلدى، ھەممە نەرسە تەييار، زىياپەتكە مەرھەمەت!Œ دەڭلار» دەپ تاپىلاپتۇ. بىراق، مېھمانلار ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئېتىبارغا ئالماي، بىرى ئېتىزىغا كەتسە، يەنە بىرى تىجارىتىگە كېتىپتۇ. قالغانلىرى ھېلىقى چاكارلارنى تۇتۇۋېلىپ، قاتتىق ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ. غەزەپكە كەلگەن پادىشاھ لەشكەرلىرىنى چىقىرىپ، ئۇ قاتىللارنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ شەھىرىگە ئوت قويۇۋېتىپتۇ. ئاندىن، چاكارلىرىغا: «توي زىياپىتى تەييار، لېكىن چاقىرىلغانلار لايىق بولۇپ چىقمىدى. ئەمدى سىلەر يول ئاچاللىرىغا بېرىپ، ئۇچراتقانلىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى تويغا تەكلىپ قىلىڭلار» دەپتۇ. بۇنىڭ بىلەن، چاكارلار يول ئاچاللىرىغا چىقىپ، ياخشى بولامدۇ، يامان بولامدۇ، ئۇچراتقانلىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىپتۇ. توي بولغان ئورۇن مېھمانلار بىلەن تولۇپتۇ. پادىشاھ مېھمانلار بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەندە، ئۇ يەردە توي كىيىمى كىيمىگەن بىر كىشىنى كۆرۈپتۇ. پادىشاھ ئۇنىڭدىن: «بۇرادەر، توي كىيىمى كىيمەي، بۇ يەرگە قانداق كىردىڭ؟» دەپ سوراپتۇ، بىراق ئۇ كىشى ھېچقانداق جاۋاب بېرەلمەپتۇ. پادىشاھ چاكارلىرىغا: «ئۇنىڭ پۇت-قوللىرىنى باغلاپ، تاشقىرىغا، قاراڭغۇلۇققا ئاچىقىپ تاشلاڭلار! ئۇ يەرگە تاشلانغانلار ھەسرەتتە يىغلاپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ» دەپتۇ. ئاخىردا، ھەزرىتى ئەيسا: - تەكلىپ قىلىنغانلار كۆپ، لېكىن تاللانغانلار ئاز، - دېدى. بۇنىڭ بىلەن، پەرىسىيلەر ئۇ يەردىن كېتىپ، قانداق قىلىپ ھەزرىتى ئەيسانى ئۆز سۆزلىرى بىلەن تۇزاققا چۈشۈرۈش ھەققىدە مەسلىھەتلەشتى. ئۇلار ئۆز شاگىرتلىرىنى رىمدىن تەيىنلەنگەن ھىرود پادىشاھنىڭ تەرەپدارلىرى بىلەن بىللە ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا ئەۋەتىپ: - ئۇستاز، سىزنىڭ سەمىمىي ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى، كىشىلەرگە خۇدانىڭ يولىنى سادىقلىق بىلەن ئۆگىتىپ كەلگەنلىكىڭىزنى ۋە ھېچكىمگە يۈز-خاتىر قىلمايدىغانلىقىڭىزنى بىلىمىز، چۈنكى كىشىلەرنىڭ سىرتقى قىياپىتى بىلەن ھېسابلاشمايسىز. قېنى، ئېيتىپ بەرگەيسىز، رىم ئىمپېراتورى قەيسەرگە باج تاپشۇرۇشىمىز تەۋرات قانۇنىمىزغا خىلاپمۇ قانداق؟ - دېيىشتى. ئۇلارنىڭ يامان نىيىتىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا: - ئەي ساختىپەزلەر، نېمىشقا مېنى سۆزۈم ئارقىلىق ئىلىندۇرماقچى بولۇۋاتىسىلەر؟ باجغا تاپشۇرىدىغان پۇلۇڭلارنى ماڭا كۆرسىتىڭلارچۇ، - دېدى. ئۇلار بىر دانە كۈمۈش تەڭگە ئەكەلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن: - بۇنىڭ ئۈستىدىكى سۈرەت ۋە ئىسىم كىمنىڭ؟ - دەپ سورىدى. - رىم ئىمپېراتورى قەيسەرنىڭ، - دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. - ئۇنداق بولسا، قەيسەرنىڭ ھەققىنى قەيسەرگە، خۇدانىڭ ھەققىنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا. ئۇلار بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، ھەيران بولۇشتى-دە، ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىدىن كېتىپ قالدى. شۇ كۈنى، ئۆلگەنلەر تىرىلمەيدۇ، دەپ قارايدىغان سادۇقىي دىنىي ئېقىمىدىكىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: - ئۇستاز، مۇسا پەيغەمبەر تەۋراتتا: «بىر كىشى پەرزەنت كۆرمەي ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ ئاكا ياكى ئىنىسى تۇل قالغان يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نەسىل قالدۇرۇشى لازىم» دەپ تەلىم بەرگەن. بۇرۇن بۇ يەردە يەتتە ئاكا-ئۇكا بار ئىدى. چوڭى ئۆيلەنگەندىن كېيىن ئالەمدىن ئۆتتى. پەرزەنت كۆرمىگەنلىكتىن، كەينىدىكى ئىنىسى يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئالدى. بىراق، ئۇمۇ پەرزەنت كۆرمەي ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئايالى كەينىدىكى ئىنىسىغا ياتلىق بولدى. بۇ ئىش تاكى يەتتىنچى ئىنىسىغىچە داۋاملاشتى. ئاخىردا، ئۇ ئايالمۇ ئالەمدىن ئۆتتى. ئەمدى سورايدىغىنىمىز شۇكى: قىيامەت كۈنى بۇ ئايال يەتتە ئاكا-ئۇكىدىن قايسىسىنىڭ ئايالى بولۇپ تىرىلىدۇ؟ چۈنكى، ئۇنى ھەممىسى ئەمرىگە ئالغان-دە! ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: - سىلەر مۇقەددەس يازمىلارنى ۋە خۇدانىڭ قۇدرىتىنى بىلمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن خاتالىشىسىلەر. ئۆلۈمدىن تىرىلگەندىن كېيىن، ئىنسانلار ئەرشتىكى پەرىشتىلەرگە ئوخشاش، خوتۇن ئالمايدۇ، ئەرگە تەگمەيدۇ. ئۆلۈمدىن تىرىلىش مەسىلىسى ھەققىدە خۇدانىڭ سىلەرگە دېگەن سۆزىنى ئوقۇمىدىڭلارمۇ؟ ئەجدادلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئاللىبۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، خۇدا ئۇلارنى تىرىك ھېسابلاپ، «مەن ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بولىمەن!» دەيدۇ. دېمەك، خۇدا ئۆلۈكلەرنىڭ ئەمەس، تىرىكلەرنىڭ خۇداسىدۇر. بۇلارنى ئاڭلىغان خەلق ئۇنىڭ تەلىمىدىن داڭ قېتىپ قېلىشتى. پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ سادۇقىيلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بىر يەرگە جەم بولۇشتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر تەۋرات ئۇستازى ھەزرىتى ئەيسانى سىناش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن: - ئۇستاز، تەۋرات قانۇنىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەمر قايسى؟ - دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: - «پەرۋەردىگارىڭ بولغان خۇدانى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن زېھنىڭ بىلەن سۆيگىن.» ئالدىنقى ۋە ئەڭ مۇھىم ئەمر مانا شۇ. ئۇنىڭغا ئوخشاش مۇھىم يەنە بىر ئەمر بولسا «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي.» پۈتۈن تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىماتلىرى بۇ ئىككى ئەمرنى ئاساس قىلغان. پەرىسىيلەر توپلىشىپ تۇرغاندا، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن: - قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ توغرىسىدا نېمە ئويلاۋاتىسىلەر؟ ئۇ كىمنىڭ ئەۋلادى؟ - دەپ سورىدى. - داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادى، - دېيىشتى ئۇلار. ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن داۋۇت پادىشاھ مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامى بىلەن قۇتقۇزغۇچى- مەسىھنى «خوجايىنىم» دەپ ئاتايدۇ؟ داۋۇت زەبۇردا مۇنداق دېگەنغۇ: «پەرۋەردىگار خوجايىنىمغا ئېيتتىكى: ˜مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى ئايىغىڭ ئاستىدا دەسسەتكۈچە، مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن!Œ» قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولسىمۇ، لېكىن پادىشاھ داۋۇت مەسىھنى «خوجايىنىم» دېگەن يەردە مەسىھ ئۇنىڭدىن ئۇلۇغ بولمامدۇ؟! ھەزرىتى ئەيساغا ھېچكىم گەپ قايتۇرالمىدى. شۇ كۈندىن ئېتىبارەن، ھېچكىم ئۇنىڭدىن سوئال سوراشقا پېتىنالمىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا خالايىققا ۋە شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى: - تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەرگە مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىغا تەبىر بېرىش ھوقۇقى بېرىلگەن. شۇڭا، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، دېگەنلىرىنى قىلىڭلار، لېكىن قىلغانلىرىنى قىلماڭلار. چۈنكى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دېگىنىگە ئۆزلىرى ئەمەل قىلمايدۇ. ئۇلار قاتتىق دىنىي قائىدىلىرى ئارقىلىق ئېغىر يۈكلەرنى باشقىلارنىڭ زىممىسىگە ئارتىپ قويىدۇ. لېكىن، ئۆزلىرى بۇ يۈكلەرنى كۆتۈرۈشكە بارماقلىرىنى مىدىرلىتىشنىمۇ خالىمايدۇ. ئۇلار ھەممە ئىشلارنى باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈنلا قىلىدۇ. ئۆزلىرىنى تەقۋادار كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئايەت قۇتىسنىڭ چوڭىنى چىگىۋېلىپ، تونلىرىنىڭ چۇچىلىرىنى ئۇزۇن ساڭگىلىتىپ قويىدۇ. زىياپەتلەردە تۆردە، ئىبادەتخانىلاردا ئالاھىدە ئورۇندا ئولتۇرۇشقا ئامراق كېلىدۇ. بازارلاردا كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ھۆرمەتلەپ سالام بېرىشى ۋە «ئۇستاز» دەپ ئاتىشىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ. بىراق، سىلەر «ئۇستاز» دەپ ئاتىلىشقا كۆنمەڭلار. چۈنكى، سىلەرنىڭ يالغۇز بىرلا ئۇستازىڭلار بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھەممىڭلار بىر-بىرىڭلارغا قېرىنداش. يەر يۈزىدە ھېچقانداق كىشىنى ھۆرمەتلەپ «ئاتام» دېمەڭلار، چۈنكى پەقەت بىرلا ئاتاڭلار بار. ئۇ بولسىمۇ ئەرشتىكى ئاتاڭلاردۇر. سىلەر «خوجايىن» دەپ ئاتىلىشقىمۇ كۆنمەڭلار، چۈنكى پەقەت بىرلا خوجايىنىڭلار بار. ئۇ بولسىمۇ قۇتقۇزغۇچى- مەسىھتۇر. ئاراڭلاردا ئەڭ مەرتىۋىلىك بولغان كىشى قالغانلارغا خىزمەت قىلسۇن. ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتقىنى تۆۋەن قىلىنىدۇ، تۆۋەن تۇتقىنى ئۈستۈن قىلىنىدۇ. ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ساختىپەز تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر! سىلەر ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئىشىكىنى ئىنسانلار ئۈچۈن تاقىدىڭلار! يا ئۆزۈڭلار كىرىشنى ئويلىمىدىڭلار، يا كىرىشنى ئىستىگەنلەرنىڭ كىرىشىگە يول قويمىدىڭلار.} ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ساختىپەز تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر! سىلەر تۇل ئاياللاردىن نەپ ئېلىپ، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى يەيسىلەر. ئاندىن، باشقىلار كۆرسۇن دەپ، ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دۇئا قىلىسىلەر. شۇڭا، تېخىمۇ ئېغىر جازاغا تارتىلىسىلەر.{ ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ساختىپەز تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر! سىلەر بىرەر ئادەمنى دىنىي ئېقىمىڭلارغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن، يەر-جاھاننى ئايلىنىپ چىقىسىلەر. بىراق، ئۇ كىشى ئېقىمىڭلارغا كىرگەندىن كېيىن، سىلەر ئۇنى دوزاخقا كىرىشكە ئۆزۈڭلارغا قارىغاندا ھەسسىلەپ لايىق قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىسىلەر. ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قارىغۇ يولباشچىلار! سىلەر: «ئىبادەتخانىنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغانلار قەسىمىگە ئەمەل قىلمىسىمۇ بولىدۇ، بىراق ئىبادەتخانىدىكى ئالتۇننى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغانلار قەسىمىدە تۇرۇشى كېرەك» دەيسىلەر. ئەي كۆزى كور ئەخمەقلەر! ئالتۇن ئۇلۇغمۇ ياكى ئالتۇننى مۇقەددەس قىلغان ئىبادەتخانىمۇ؟ سىلەر يەنە: «قۇربانلىق سۇپىسىنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغانلار قەسىمىگە ئەمەل قىلمىسىمۇ بولىدۇ، بىراق قۇربانلىق سۇپىسىدىكى قۇربانلىقلارنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغانلار قەسىمىدە تۇرۇشى كېرەك» دەيسىلەر. ئەي كورلار! قۇربانلىق ئۇلۇغمۇ ياكى قۇربانلىقنى مۇقەددەس قىلغان قۇربانلىق سۇپىسىمۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن، قۇربانلىق سۇپىسىنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغۇچى ھەم قۇربانلىق سۇپىسىنى ھەم ئۇنىڭدىكى قۇربانلىقنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغان بولىدۇ. ئىبادەتخانىنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغۇچىمۇ ھەم ئىبادەتخانىنى، ھەم ئىبادەتخانىدا بولغۇچى خۇدانى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغان بولىدۇ. ئەرشنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغۇچى خۇدانىڭ تەختى ۋە تەختتە ئولتۇرغان خۇدانى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلغان بولىدۇ. ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ساختىپەز تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر! سىلەر ھەتتا يالپۇز، ئارپىبەدىيان ۋە زىرىلەرنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى خۇداغا ئاتايسىلەريۇ، بىراق تەۋرات قانۇنىنىڭ تېخىمۇ مۇھىم تەرەپلىرى بولغان ھەققانىيلىق، رەھىمدىللىك ۋە سادىقلىققا سەل قارايسىلەر. ئالدى بىلەن بۇ ئىشلارنى ئورۇندىشىڭلار كېرەك. باشقا ئىشلارغا كەلسەك، ئۇلارغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئەي قارىغۇ يولباشچىلار! سىلەر چىنەڭلەرگە چۈشكەن كىچىككىنە پاشىنىمۇ سۈزۈپ ئېلىۋېتىسىلەر، لېكىن بىرەر تۆگىنى پۈتۈن پېتى يۇتۇۋېتىسلەر! ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ساختىپەز تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر! سىلەر تېشىلا پاكىز يۇيۇلغان چىنە-قاچىلارغا ئوخشايسىلەر. قوللىرىڭلارنى ياخشى يۇيىسىلەر، بىراق ئىچىڭلار ئاچكۆزلۈك ۋە شەخسىيەتچىلىك بىلەن تولغان. ئەي قارىغۇ پەرىسىيلەر! ئاۋۋال چىنە-قاچىنىڭ ئىچىنى پاكلاڭلار، شۇنداقتا تېشىمۇ پاك بولىدۇ. ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ساختىپەز تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر! سىلەر ئاقارتىپ قويۇلغان، سىرتقى كۆرۈنۈشى چىرايلىق، لېكىن ئىچى ئۆلۈك ئۇستىخان ۋە ھەر خىل چىرىغان نەرسىلەرگە تولغان قەبرىلەرگە ئوخشايسىلەر. تېشىڭلاردىن كىشىلەرگە دۇرۇس ئادەملەردەك كۆرۈنىسىلەر، لېكىن ئىچىڭلار ساختىپەزلىك ۋە يامانلىق بىلەن تولغان. ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ساختىپەز تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر! پەيغەمبەرلەرنىڭ قەبرىلىرىنى ياسىدىڭلار، ئادىللارنىڭ ئابىدىلىرىنى بېزىدىڭلار. «ئەجدادلىرىمىزنىڭ زامانىدا ياشىغان بولساقىدۇق، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغان قىلمىشلىرىغا شېرىك بولمايتتۇق» دەيسىلەر. دېمەك، «ئەجدادلىرىمىز» دېگەن سۆزۈڭلار بىلەن پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ نەۋرىلىرى ئىكەنلىكىڭلارغا ئۆزۈڭلار گۇۋاھلىق بەردىڭلار. شۇنداق ئىكەن، ئەجدادلىرىڭلار باشلاپ بەرگەن ئىشنى ئادا قىلىڭلار! ئەي زەھەرلىك يىلانلار! يىلاننىڭ ئەۋلادلىرى! دوزاخ ئازابىدىن قانداقمۇ قۇتۇلالارسىلەر؟ مانا شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەرگە پەيغەمبەرلەر، ئاقىللار ۋە دىنىي ئۆلىمالارنى ئەۋەتىپ تۇرىمەن. سىلەر ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى ئۆلتۈرىسىلەر، كرېستكە مىخلايسىلەر، بەزىلىرىنى ئىبادەتخانىلىرىڭلاردا دەررىگە باسىسىلەر، شەھەردىن شەھەرگە قوغلايسىلەر. شۇنداق قىلىپ، بىگۇناھ ھابىلنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن تارتىپ تاكى بەرەكيانىڭ ئوغلى روھانىي زەكەرىيانىڭ مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس جاي بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئارىلىقىدا ئۆلتۈرۈلۈشىگىچە بولغان ھەممە بىگۇناھلارنىڭ يەر يۈزىدە ئېقىتىلغان قان قەرزلىرىگە جاۋاب بېرىسىلەر. بىلىپ قويۇڭلاركى، شۇ قىلمىشلارنىڭ جازاسىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ زاماننىڭ ئادەملىرىنىڭ بوينىغا چۈشىدۇ. - ئەي يېرۇسالېملىقلار! پەيغەمبەرلەر ۋە خۇدا ئەۋەتكەن ئەلچىلەرنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرگەن يېرۇسالېملىقلار! گويا مېكىيان ئۆز چۈجىلىرىنى قانات ئاستىغا ئالغاندەك، مەنمۇ سىلەرنى قانچە قېتىم ئۆز قوينۇمغا ئالماقچى بولدۇم، لېكىن سىلەر ئۇنىمىدىڭلار. مانا، ئەمدى خۇدا ئىبادەتخاناڭلاردىن ئايرىلىپ، سىلەرنى تاشلاپ كېتىدۇ. شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر: «رەببىمىز ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچىغا مۇبارەك بولسۇن!» دەپ ماڭا ئىشەنمىگۈچە، مېنى قايتىدىن كۆرەلمەيسىلەر. ھەزرىتى ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانىدىن چىقىپ، قايتىش ئالدىدا تۇرغىنىدا، شاگىرتلىرى ئۇنىڭ دىققىتىنى ئىبادەتخانا بىنالىرىغا تارتماقچى بولۇپ، ئۇنىڭ يېنىغا كېلىشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - مانا بۇلارنى كۆرۈۋاتامسىلەر؟ بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇ يەردىكى ھەممە نەرسە گۇمران قىلىنىدۇ، ھەتتا بىر تال ئۇل تېشىمۇ جايىدا قالدۇرۇلمايدۇ، - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا زەيتۇن تېغىدا ئولتۇرغاندا، شاگىرتلىرى ئاستىغىنا ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: - بىزگە ئېيتىڭچۇ، بۇ دېگەنلىرىڭىز قاچان يۈز بېرىدۇ؟ سىزنىڭ ۋە زامان ئاخىرىنىڭ كېلىشىنى بىلدۈرىدىغان قانداق بېشارەتلەر بولىدۇ؟ - دەپ سوراشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: - باشقىلارنىڭ ئازدۇرۇشىدىن ھوشيار بولۇڭلار. چۈنكى، نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ نامىمنى سېتىپ: «قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ مەن بولىمەن» دەۋېلىپ، كۆپ ئادەملەرنى ئازدۇرىدۇ. سىلەر ئۇرۇش خەۋەرلىرى ۋە ئۇرۇش شەپىلىرىنى ئاڭلايسىلەر، بۇلاردىن ئالاقزادە بولۇپ كەتمەڭلار، چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەررەر. لېكىن، بۇ زامان ئاخىرى يېتىپ كەلدى، دېگەنلىك ئەمەس. بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ. بىر دۆلەت يەنە بىر دۆلەتكە ھۇجۇم قىلىدۇ. نۇرغۇن جايلاردا ئاچارچىلىق ۋە يەر تەۋرەشلەر يۈز بېرىدۇ. مانا بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى خۇددى ھامىلىدار ئايالنىڭ تولغىقىنىڭ باشلانغىنىغا ئوخشايدۇ. ئۇ چاغدا، كىشىلەر سىلەرنى تۇتۇپ، ئازاب-ئوقۇبەتكە سېلىپ ئۆلتۈرىدۇ، ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن پۈتكۈل مىللەتلەر سىلەردىن نەپرەتلىنىدۇ. ئۇ چاغدا، نۇرغۇن كىشىلەر ئېتىقادىدىن تانىدۇ، بىر-بىرىنى تۇتۇپ بېرىدۇ ۋە بىر-بىرىگە ئۆچمەنلىك قىلىدۇ. نۇرغۇن ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا كېلىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ. رەزىللىكلەرنىڭ كۆپىيىشى تۈپەيلىدىن، نۇرغۇن كىشىلەردىكى مېھىر-مۇھەببەت سوۋۇيدۇ. لېكىن، ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەر جەزمەن قۇتقۇزۇلىدۇ. خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدىكى بۇ خۇش خەۋەرنىڭ بارلىق مىللەتلەرگە ئاڭلىتىلىشى ئۈچۈن، ئۇ پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىلىدۇ، ئاندىن زامان ئاخىرى كېلىدۇ. - دانىيال پەيغەمبەر ئېيتقان «يىرگىنچلىك ۋەيران قىلغۇچى»~نىڭ مۇقەددەس جايدا تۇرغىنىنى كۆرگىنىڭلاردا، (كىتابخانلار بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنسۇن) يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئاھالىلەر تاغلارغا قاچسۇن. ئۆگزىدىكىلەر ئۆيىدىكى نەرسە-كېرەكلىرىنى ئالماي قاچسۇن. ئېتىزلاردا ئىشلەۋاتقانلارمۇ چاپىنىنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن ئۆيىگە قايتماي قېچىپ كەتسۇن. ئۇ كۈنلەردە قېچىشى ئەپسىز بولغان ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالا ئېمىتىدىغان ئانىلارنىڭ ھالىغا ۋاي! قېچىشىڭلارنىڭ قىش ياكى دەم ئېلىش كۈنىگە توغرا كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار. چۈنكى، ئۇ كۈنلەردىكى بالايىئاپەتلەر دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان، كەلگۈسىدىمۇ كۆرۈلمەيدۇ. ئۇ كۈنلەر ئازايتىلمىسىدى، ھېچكىم قۇتۇلالمايتتى. لېكىن، خۇدانىڭ ئۆزى تاللىغانلىرى ئۈچۈن، ئۇ كۈنلەر ئازايتىلىدۇ. ئەگەر ئۇ چاغدا بىرى سىلەرگە: «قاراڭلار، قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ بۇ يەردە!» ياكى «مەسىھ ئەنە ئۇ يەردە!» دېسە، ئىشەنمەڭلار. چۈنكى، ساختا مەسىھلەر، ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا كېلىدۇ. ئەگەر مۇمكىن بولسىدى، ئۇلار ھەتتا خۇدا تاللىغانلارنىمۇ چوڭ مۆجىزىلەر ۋە كارامەتلەر بىلەن ئازدۇرغان بولاتتى. ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، مەن بۇلارنى ئېيتىش بىلەن سىلەرنى ئالدىنئالا ئاگاھلاندۇرۇپ قويدۇم. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىرى سىلەرگە: «قاراڭلار، مەسىھ چۆل-باياۋاندا!» دېسە، ئۇ يەرگە بېرىپ يۈرمەڭلار. «قاراڭلار، ئۆينىڭ ئىچىدە!» دېسە، ئىشەنمەڭلار. چۈنكى، ئىنسانئوغلىنىڭ كېلىشى شەرقتىن غەربكە يالت-يۇلت قىلىپ چاققان چاقماقتەك بولىدۇ. قۇزغۇنلارنىڭ توپلىنىشى جەسەتنىڭ شۇ يەردە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەندەك، بۇ ئالامەتلەر مەن تىلغا ئالغان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. - ئۇ بالايىئاپەتلىك كۈنلەر ئۆتۈپ كەتكەن ھامان، «قۇياش قارىيىپ، ئاي يورۇقلۇق بەرمەس، يۇلتۇزلار ئاسماندىن تۆكۈلۈپ، ئاسمان جىسىملىرى لەرزىگە كېلەر.» ئۇ چاغدا، ئاسماندا ئىنسانئوغلىنىڭ كەلگەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈنىدۇ، يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل خەلقلەر يىغا-زار قىلىشىدۇ. ئۇلار ئىنسانئوغلىنىڭ كۈچ-قۇدرەت ۋە ئۇلۇغ شان-شەرەپ بىلەن كۆكتىكى بۇلۇتلار ئۈستىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇ پەرىشتىلىرىنى جاراڭلىق بىر كاناي ساداسى بىلەن ئەۋەتىپ، ئۇلار ئارقىلىق ئۆزى تاللىغان كىشىلەرنى ئاسماننىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە، دۇنيانىڭ تۆت بۇلۇڭىدىن يىغىپ بىر يەرگە جەم قىلىدۇ. - ئەنجۈر دەرىخىدىن ساۋاق ئېلىڭلار. ئۇنىڭ شاخلىرى كۆكىرىپ يېڭى يوپۇرماق چىقارغاندا، يازنىڭ كېلىشىگە ئاز قالغانلىقىنى بىلىسىلەر. خۇددى شۇنىڭدەك، مەن بايا دېگەن ئالامەتلەرنى كۆرگىنىڭلاردا، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئىشىك ئالدىدا، يەنى نامايان بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىڭلار. شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، مانا بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي تۇرۇپ، بۇ ئەۋلاد كىشىلەر ئالەمدىن ئۆتمەيدۇ. ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم يوقالماي، مەڭگۈ ئىناۋەتلىك بولىدۇ. - بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغان ۋاقىت-سائىتىگە كەلسەك، بۇنى ئاتامدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. نە ئەرشتىكى پەرىشتىلىرى، نە ئوغلى بىلمەيدۇ. نۇھ پەيغەمبەرنىڭ زامانىدا قانداق بولغان بولسا، ئىنسانئوغلى قايتىپ كەلگەندىمۇ شۇنداق بولىدۇ. نۇھ توپان كېلىشتىن ئىلگىرى كېمىگە ئولتۇرغان كۈنگىچە، شۇ زاماننىڭ كىشىلىرى بەخىرامان يەپ-ئىچىپ، ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ كەلگەنىدى. تۇيۇقسىز كەلگەن توپان كېمىگە چۈشمىگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى غەرق قىلغۇچە، كىشىلەر بۇ ئىشنىڭ ئۆز بېشىغا كېلىشىدىن خەۋەرسىز بولغانغا ئوخشاش، ئىنسانئوغلىنىڭ قايتىپ كېلىشىمۇ شۇنداق بولىدۇ. ئۇ كۈنى، ئېتىزدا ئىشلەۋاتقان ئىككى كىشىدىن بىرى قالدۇرۇلۇپ، يەنە بىرى ئەرشكە ئېلىپ كېتىلىدۇ. تۈگمەن تېشى بىلەن ئۇن تارتىۋاتقان ئىككى ئايالنىڭ بىرى قالدۇرۇلۇپ، يەنە بىرى ئەرشكە ئېلىپ كېتىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھوشيار بولۇڭلار، چۈنكى رەببىڭلار قايتىپ كېلىدىغان كۈننى بىلمەيسىلەر. لېكىن شۇنى بىلىڭلاركى، ئەگەر ئۆي ئىگىسى ئوغرىنىڭ كېچىسى قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىلسە، قاراپ تۇرۇپ، ئوغرىنىڭ ئۆيگە بۇزۇپ كىرىشىگە ھەرگىز يول قويمايدۇ، ئەلۋەتتە. شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ھەر دائىم تەييار تۇرۇڭلار. چۈنكى، ئىنسانئوغلى سىلەر ئويلىمىغان چاغدا قايتىپ كېلىدۇ! - كىم ئىشەنچلىك ۋە زېرەك چاكار بولسا، خوجايىن ئۇنى باشقا چاكارلىرى ئۈستىدىن كۆزىتىپ، خوجايىننىڭ ئوزۇق-تۈلۈكىنى ئۇلارغا ۋاقتى-ۋاقتىدا تەقسىم قىلىپ بېرىشكە قويىدۇ. خوجايىن سەپىرىدىن قايتىپ كېلىپ، چاكىرىنىڭ شۇنچىلىك ساداقەت بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقىنىنى كۆرسە، بۇ چاكارنىڭ بەختى. بىلىپ قويۇڭلاركى، خوجايىن ئۇنى پۈتۈن تەئەللۇقاتىنى باشقۇرۇشقا قويىدۇ. لېكىن، ئەگەر چاكار كۆڭلىگە يامان غەرەز پۈكۈپ: «خوجايىنىم كېچىكىپ قايتىپ كېلىدىغۇ» دەپ، باشقا چاكارلارغا نوچىلىق قىلسا ۋە ئۈلپەتلىرى بىلەن بىللە يەپ-ئىچىپ مەست بولۇپ يۈرسە، خوجايىن كۈتۈلمىگەن بىر كۈنى، ئويلىمىغان بىر ۋاقىتتا قايتىپ كېلىپ، ئۇنى ئۇرۇپ چالا ئۆلۈك قىلىپ، ساختىپەزلەر بىلەن ئوخشاش تەقدىرگە دۇچار قىلىدۇ. نەتىجىدە، چاكار ھەسرەتتە يىغلاپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ. - ئۇ ۋاقىتتا، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى خۇددى قوللىرىغا چىراغ ئېلىپ تويى بولغان يىگىتنىڭ ئالدىغا چىققان ئون قىز قولداشقا ئوخشايدۇ. بۇ قىزلارنىڭ بەشى ئەقىلسىز، بەشى بولسا ئەقىللىق ئىكەن. ئەقىلسىز قىزلار چىراغلىرىنى ئالغان بولسىمۇ، يېنىغا ياغ ئېلىۋالماپتۇ. ئەقىللىق قىزلار بولسا چىراغلىرى بىلەن بىللە، قاچىلاردا ياغمۇ ئاپتۇ. يىگىت ۋاقچە كەلگەچكە، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇيقۇ بېسىپ ئۇخلاپ قاپتۇ. يېرىم كېچىدە: «يىگىت كەلدى، ئالدىغا چىقىڭلار!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن، قىزلارنىڭ ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇپ چىراغلىرىنى پەرلەپتۇ. ئەقىلسىز قىزلار ئەقىللىقلەرگە: «چىراغلىرىمىز ئۆچۈپ قالاي دېدى، يېغىڭلاردىن بېرىڭلارچۇ» دەپتۇ. ئەقىللىق قىزلار: «ياق! بىزگىمۇ ھەم سىلەرگىمۇ يەتمەسلىكى مۇمكىن. ئەڭ ياخشىسى، دۇكانغا بېرىپ ياغ سېتىۋېلىڭلار!» دەپتۇ. لېكىن، ئۇلار ياغ سېتىۋالغىلى كېتىۋاتقاندا، يىگىت كېلىپ قاپتۇ، تەييارلىقى بار قىزلار ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە توي زىياپىتىگە كىرىپتۇ. ئىشىك تاقىلىپتۇ. كېيىن، ھېلىقى قىزلار قايتىپ كېلىپ: «تەقسىر، تەقسىر! ئىشىكنى ئېچىۋېتىڭ!» دەپتۇ. بىراق، يىگىت: «بىلىپ قويۇڭلاركى، مەن سىلەرنى تونۇمايمەن» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ھەزرىتى ئەيسا يەنە مۇنداق دېدى: - شۇنىڭ ئۈچۈن، سەگەك بولۇڭلار، چۈنكى ئىنسانئوغلى قايتىپ كېلىدىغان ۋاقىت-سائەتنى بىلمەيسىلەر. - ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى سەپەرگە چىقماقچى بولغان ئادەمگە ئوخشايدۇ. ئۇ چاكارلىرىنى چاقىرىپ بايلىقىنى ئۇلارغا تاپشۇرۇپتۇ. ئۇ ئادەم ھەر بىر چاكارنىڭ ئوقەت قىلىش قابىلىيىتىگە قاراپ، بىرىگە بەش مىڭ، بىرىگە ئىككى مىڭ، بىرىگە مىڭ كۈمۈش تەڭگە بېرىپ، يولغا چىقىپتۇ. بەش مىڭ تەڭگە ئالغان چاكار دەرھال بېرىپ ئوقەت قىلىپ، يەنە بەش مىڭ تەڭگە پايدا ئاپتۇ. ئىككى مىڭ تەڭگە ئالغىنىمۇ يەنە ئىككى مىڭ تەڭگە پايدا ئاپتۇ. مىڭ تەڭگە ئالغىنى بولسا بېرىپ يەرنى كولاپ، خوجايىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرغان پۇلنى كۆمۈپ ساقلاپ قويۇپتۇ. ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ چاكارلارنىڭ خوجايىنى قايتىپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن ھېسابلىشىشقا باشلاپتۇ. بەش مىڭ تەڭگە ئالغان چاكار يەنە بەش مىڭ تەڭگە قوشۇپ ئېلىپ كېلىپ: «خوجايىن، سىز ماڭا بەش مىڭ تەڭگە تاپشۇرغانىدىڭىز. قاراڭ، يەنە بەش مىڭ تەڭگە پايدا ئالدىم» دەپتۇ. خوجايىن ئۇنىڭغا: «ناھايىتى ياخشى! سەن ياخشى ۋە ئىشەنچلىك چاكار ئىكەنسەن! مەن ساڭا ھاۋالە قىلغان كىچىك ئىشتا ئىشەنچلىك بولۇپ چىققانلىقىڭ ئۈچۈن، سېنى چوڭ ئىشلارغا قويىمەن. كەل، خوجايىنىڭنىڭ خۇشاللىقىغا جور بول!» دەپتۇ. ئىككى مىڭ تەڭگە ئالغان چاكارمۇ كېلىپ: «خوجايىن، سىز ماڭا ئىككى مىڭ تەڭگە تاپشۇرغانىدىڭىز. قاراڭ، يەنە ئىككى مىڭ تەڭگە پايدا ئالدىم» دەپتۇ. خوجايىن ئۇنىڭغا: «ناھايىتى ياخشى! سەن ياخشى ۋە ئىشەنچلىك چاكار ئىكەنسەن! مەن ساڭا ھاۋالە قىلغان كىچىك ئىشتا ئىشەنچلىك بولۇپ چىققانلىقىڭ ئۈچۈن، مەن سېنى چوڭ ئىشلارغا قويىمەن. كەل، خوجايىنىڭنىڭ خۇشاللىقىغا جور بول!» دەپتۇ. ئاندىن، مىڭ تەڭگە ئالغان چاكار كېلىپ: «خوجايىن، سىزنىڭ قاتتىق ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى بىلەتتىم، چۈنكى ئۆزىڭىز تېرىمىسىڭىزمۇ، ئۇنىڭ ھوسۇلىنى كۈتىسىز؛ ئۇرۇق سالمىسىڭىزمۇ، خامان ئالىسىز. شۇڭا، قورقۇپ، سىز بەرگەن تەڭگىنى يەرگە كۆمۈپ ساقلاپ قويغانىدىم. مانا پۇلىڭىز» دەپتۇ. خوجايىن ئۇنىڭغا: «ئەي، يامان ۋە ھۇرۇن چاكار! سەن مېنى تېرىمىغان يەردىن ئورۇۋالىدىغان، ئۇرۇق سالمىغان يەردىن خامان ئالىدىغان ئادەم، دەپ تۇرۇپ، نېمىشقا پۇلۇمنى جازانىخورلارغا ئامانەت قويمىدىڭ. شۇنداق قىلساڭ، مەن قايتىپ كەلگەندە پۇلۇمنى ئۆسۈمى بىلەن ئالمامتىم؟ خوپ، ئۇنىڭ قولىدىكى مىڭ تەڭگىنى ئېلىپ، ئون مىڭ تەڭگە بار چاكارغا بېرىڭلار! چۈنكى، بېرىلگەننى تولۇق ئىشلەتكەنلەرگە تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ-دە، بۇنىڭ بىلەن ئۇلاردىكى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ. لېكىن، بېرىلگەننى ئىشلەتمىگەنلەرگە كەلسەك، ئۇلارن ڭ بارىمۇ ئېلىپ كېتىلىدۇ. بۇ يارامسىز چاكارنى سىرتقا، قاراڭغۇلۇققا قوغلىۋېتىڭلار، ئۇ يەردە ھەسرەتتە يىغلاپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلاتسۇن» دەپتۇ. - ئىنسانئوغلى ئۆز شان-شەرىپى ئىچىدە پۈتۈن پەرىشتىلىرى بىلەن بىللە كەلگىنىدە، پادىشاھ بولۇپ شەرەپ تەختىدە ئولتۇرىدۇ. ئۇ ئوڭ يېنىدىكى كىشىلەرگە: «ئەي ئاتام تەرىپىدىن بەختلىك قىلىنغانلار، كېلىڭلار! دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى سىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان مىراس - خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ئىگە بولۇڭلار! چۈنكى، ئاچ قالغىنىمدا سىلەر ماڭا يېمەكلىك بەردىڭلار، ئۇسسۇز قالغىنىمدا ئۇسسۇلۇق بەردىڭلار، مۇساپىر بولۇپ يۈرگىنىمدە ئۆز قوينۇڭلارغا ئالدىڭلار، يالىڭاچ قالغىنىمدا كىيىندۈردۈڭلار، كېسەل بولۇپ قالغىنىمدا كېلىپ ھالىمدىن خەۋەر ئالدىڭلار، زىنداندا ياتقىنىمدا يوقلاپ تۇردۇڭلار» دەيدۇ. ئۇ چاغدا، ھەققانىي ئادەملەر ئۇنىڭغا: «ئى رەببىم، بىز سىزنى قاچان ئاچ كۆرۈپ تويدۇردۇق ياكى ئۇسسۇز كۆرۈپ سۇ بەردۇق؟ سىزنى قاچان مۇساپىر كۆرۈپ قوينىمىزغا ئالدۇق ياكى يالىڭاچ كۆرۈپ كىيىندۈردۇق؟ سىزنى قاچان كېسەل ياكى زىنداندا كۆرۈپ يوقلاپ تۇردۇق؟» دەپ سورايدۇ. بىراق، پادىشاھ ئۇلارغا: «بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەڭ ئەرزىمەس قېرىنداشلىرىمدىن بولغان بۇلارنىڭ بىرەرسىگە قىلغىنىڭلار دەل ماڭا قىلغىنىڭلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئاندىن سول يېنىدىكىلەرگە: «ئەي لەنىتىلەر، كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار! شەيتان بىلەن ئۇنىڭ غالچىلىرىغا ھازىرلانغان مەڭگۈ ئۆچمەس دوزاخ ئوتىغا كىرىڭلار! چۈنكى، ئاچ قالغىنىمدا ماڭا يېمەكلىك بەرمىدىڭلار، ئۇسسىغىنىمدا ئۇسسۇلۇق بەرمىدىڭلار، مۇساپىر بولۇپ يۈرگىنىمدە ئۆز قوينۇڭلارغا ئالمىدىڭلار، يالىڭاچ قالغىنىمدا كىيىندۈرمىدىڭلار، كېسەل بولغىنىمدا ۋە زىنداندا ياتقىنىمدا يوقلىمىدىڭلار» دەيدۇ. ئۇ چاغدا، ئۇلار: «ئى رەببىم، سىزنى قاچان ئاچ، ئۇسسۇز، مۇساپىر، يالىڭاچ، كېسەل ياكى زىنداندا كۆرۈپ تۇرۇپ خىزمىتىڭىزدە بولمىدۇق؟» دەيدۇ. بىراق، پادىشاھ ئۇلارغا: «بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەڭ ئەرزىمەس قېرىنداشلىرىمدىن بولغان بۇلارنىڭ بىرەرسىگە قىلمىغاننى ماڭىمۇ قىلمىغان بولدۇڭلار» دەپ جاۋاب قايتۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار مەڭگۈلۈك جازاغا ئۇچرايدۇ. ھەققانىي ئادەملەر بولسا مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ. ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، شاگىرتلىرىغا: - سىلەرگە مەلۇمكى، ئىككى كۈندىن كېيىن بولىدىغان ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا ئىنسانئوغلى كرېستكە مىخلىنىش ئۈچۈن تۇتۇپ بېرىلىدۇ، - دېدى. ئالىي روھانىيلار ۋە خەلق ئاقساقاللىرى قاياپا ئىسىملىك باش روھانىينىڭ سارىيىدا جەم بولۇشتى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى ھىيلە بىلەن تۇتۇپ ئۇجۇقتۇرۇش ئۈچۈن مەسلىھەت قىلىشتى. بىراق، ئۇلار: - بۇ ئىشنى ھېيت-ئايەم كۈنلىرى قىلمايلى. بولمىسا، خەلق ئارىسىدا قالايمىقانچىلىق چىقىشى مۇمكىن، - دېيىشتى. ھەزرىتى ئەيسا بەيتانىيا يېزىسىدا ئىلگىرى ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان سىمۇننىڭ ئۆيىدە بولغاندا، ئۇنىڭ يېنىغا بىر ئايال كىردى. ئۇ ئايال ئاق قاشتېشىدىن ياسالغان بىر قۇتىدا ناھايىتى قىممەتلىك ئەتىر ئېلىپ كەلگەنىدى. ھەزرىتى ئەيسا داستىخاندا ئولتۇرغاندا، ئۇ ئايال ئەتىرنى ئۇنىڭ بېشىغا قۇيدى. شاگىرتلار بۇنى كۆرۈپ خاپا بولۇشۇپ: - نېمىشقا بۇنداق ئىسراپچىلىق قىلىسىز؟ بۇ ئەتىر جىق پۇلغا يارايتتى. ئۇ سېتىلىپ پۇلى كەمبەغەللەرگە بېرىلسە بولاتتى، - دېيىشتى. شاگىرتلارنىڭ نارازى بولغانلىقىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - بۇ ئايالنى خىجىل قىلىپ نېمە قىلىسىلەر؟ ئۇ مەن ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلدى. كەمبەغەللەر دائىم سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا، لېكىن مەن ئاراڭلاردا دائىم بولمايمەن. بۇ ئايال بۇ ئەتىرنى مېنى دەپنە قىلىنىشقا تەييار قىلىش ئۈچۈن بەدىنىمگە قۇيدى. بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇ خۇش خەۋەر دۇنيانىڭ قەيېرىدە يەتكۈزۈلسە، بۇ ئايال ئەسلىنىپ، ئۇنىڭ قىلغان ئىشى تىلغا ئېلىنىدۇ، - دېدى. شۇ ۋاقىتتا، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئون ئىككى شاگىرتىدىن يەھۇدا ئىشقارىيوت ئىسىملىك بىرى ئالىي روھانىيلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ: - ئەيسانى تۇتۇپ بەرسەم، ماڭا نېمە بېرىسىلەر؟ - دېدى. ئۇلار ئۇنىڭغا ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگە بەردى. يەھۇدا شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ھەزرىتى ئەيسانى تۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن پۇرسەت ئىزدەشكە باشلىدى. پېتىر نان ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنى، شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا كېلىشىپ: - ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى قەيەردە تەييارلىشىمىزنى خالايسىز؟ - دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - يېرۇسالېمغا كىرىپ پالانچىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭغا: «ئۇستازىمىز: ˜ۋاقىت-سائىتىم يېقىنلاپ قالدى، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى شاگىرتلىرىم بىلەن بىرلىكتە سىلەرنىڭ ئۆيدە ئۆتكۈزەيŒ دەيدۇ» دەپ ئېيتىڭلار، - دېدى. شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى شۇ يەردە تەييارلاشقا كىرىشتى. كەچقۇرۇن، ھەزرىتى ئەيسا ئون ئىككى شاگىرتى بىلەن داستىخاندا ئولتۇردى. ئۇ تاماق يەۋېتىپ: - بىلىپ قويۇڭلاركى، ئاراڭلاردا بىرەيلەن ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ، - دېدى. بۇ سۆز ئۇلارنى ئىنتايىن قايغۇغا سالدى. ئۇلار بىر-بىرلەپ: - يا رەببىم، مەن ئەمەستىمەن؟ - دەپ سوراشقا باشلىدى. - ماڭا ساتقۇنلۇق قىلغۇچى قولىدىكى ناننى تەخسىگە مەن بىلەن بىللە تۆگۈرگەن كىشىدۇر. ئىنسانئوغلى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك ئالەمدىن ئۆتىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان كىشىنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇ ئادەم تۇغۇلمىغان بولسىچۇ كاشكى! - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلماقچى بولغان يەھۇدا: - ئۇستاز، مەن ئەمەستىمەن؟ - دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - دەل سەن، - دېدى. ئۇلار تاماق يېيىشىۋاتقاندا، ھەزرىتى ئەيسا بىر ناننى قولىغا ئېلىپ خۇداغا شۈكۈر ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇنى ئوشتۇپ تۇرۇپ، شاگىرتلىرىغا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى ۋە: - ئېلىڭلار، يەڭلار، بۇ مېنىڭ تېنىم، - دېدى. ئاندىن، قولىغا بىر جام ئېلىپ خۇداغا شۈكۈر ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇنى شاگىرتلىرىغا سۇنۇپ: - ھەممەيلەن بۇنىڭدىن ئىچىڭلار. بۇ مېنىڭ نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن تۆكۈلۈپ، خۇدانىڭ ئەھدىسىنى تۈزىدىغان قېنىمدۇر. شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، خۇدائاتامنىڭ پادىشاھلىقىدا سىلەر بىلەن بىرلىكتە يېڭىچە شارابتىن ئىچمىگۈچە، بۇنداق شارابنى ھەرگىز ئىچمەيمەن، - دېدى. ئۇلار مەدھىيە ناخشىسىنى ئېيتقاندىن كېيىن تالاغا چىقىپ، زەيتۇن تېغىغا قاراپ كېتىشتى. بۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا: - بۈگۈن كېچە ھەممىڭلار مېنىڭ بېشىمغا كېلىدىغان ئىشلار سەۋەبلىك مېنى تاشلاپ كېتىشىلەر، چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدا: «قويچىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرىمەن، پادىدىكى قويلىرى پاتىپاراق بولۇپ كېتىدۇ» دېگەن. لېكىن، مەن تىرىلگەندىن كېيىن، جەلىلىيىگە سىلەردىن بۇرۇن بارىمەن، - دېدى. پېترۇس ئۇنىڭغا: - ھەممەيلەن سىزنى تاشلاپ كەتسىمۇ، مەن ھەرگىز تاشلاپ كەتمەيمەن، - دېدى. - بىلىپ قويغىنكى، بۈگۈن كېچە خوراز چىللاشتىن بۇرۇن، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. بىراق، پېترۇس: - سىز بىلەن بىللە ئۆلۈشكە توغرا كەلسىمۇ، سىزدىن تانمايمەن، - دېدى. قالغان شاگىرتلارمۇ شۇنداق دېيىشتى. كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن بىللە گېتسىمانە دېگەن بىر يەرگە كەلدى. ئۇ شاگىرتلىرىغا: «مەن ئۇ ياققا بېرىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ كەلگۈچە، مۇشۇ جايدا ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار» دەپ، پېترۇسنى، شۇنداقلا زەبەدىينىڭ ئىككى ئوغلى ياقۇپ ۋە يۇھاننانى بىرگە ئېلىپ ماڭدى. بۇ ۋاقىتتا، ھەزرىتى ئەيسانى غەم بېسىپ، كۆڭلى قاتتىق بىئارام بولۇشقا باشلىدى. ئۇ ئۇلارغا: - جېنىم چىقىپ كېتىدىغاندەك غەم-قايغۇغا پاتتى. سىلەر بۇ يەردە قېلىپ، مەن بىلەن بىرلىكتە ھوشيار تۇرۇڭلار، - دېدى ۋە سەل نېرىراق بېرىپ، يەرگە باش قويۇپ دۇئا قىلىپ: - ئى ئاتا، مۇمكىن بولسا بۇ ئازاب قەدىھىنى مەندىن يىراقلاشتۇرغايسەن. لېكىن، بۇ ئىش مېنىڭ ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ئىرادەڭ بويىچە بولسۇن، - دېدى. ئۇ شاگىرتلىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگىنىدە، ئۇلارنىڭ مۈگدەپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، پېترۇسقا: - مەن بىلەن بىللە بىرەر سائەتمۇ ھوشيار تۇرالمىدىڭلارمۇ؟! ئېزىقتۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، سەگەك تۇرۇپ دۇئا قىلىڭلار. كۆڭۈل خالايدۇ، لېكىن تەن ئاجىزدۇر، - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا ئىككىنچى قېتىم بېرىپ، يەنە دۇئا قىلىپ: - ئى ئاتا، ئەگەر مەن بۇ ئازاب قەدىھىنى ئىچمىگۈچە بۇ قەدەھ مەندىن يىراقلاشتۇرۇلمىسا، ئۇنداقتا سېنىڭ ئىرادەڭ بويىچە بولسۇن، - دېدى. ئۇ شاگىرتلىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگىنىدە، ئۇلارنىڭ يەنە مۈگدەپ قالغانلىقىنى كۆردى. چۈنكى، ئۇلار كۆزلىرىنى ئاچالماي قالغانىدى. شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى تاشلاپ ئۈچىنچى قېتىم بېرىپ، يەنە شۇ سۆزلەر بىلەن دۇئا قىلدى. كېيىن، شاگىرتلارنىڭ يېنىغا كېلىپ: - سىلەر تېخىچە دەم ئېلىپ ئۇخلاۋاتامسىلەر؟ ئىنسانئوغلىنىڭ گۇناھكارلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدىغان ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلدى. قوپۇڭلار، كېتەيلى، مانا ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان كىشى كەپتۇ! - دېدى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ سۆزى ئاياغلاشماستىنلا، ئون ئىككى شاگىرتىنىڭ بىرى بولغان يەھۇدا كەلدى. ئۇنىڭ يېنىدا ئالىي روھانىيلار ۋە خەلق ئاقساقاللىرى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن، قىلىچ-توقماقلار بىلەن قوراللانغان زور بىر توپ ئادەم بار ئىدى. ھەزرىتى ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدا ئۇلارغا ئاللىبۇرۇن: «مەن كىمنى سۆيسەم، ھەزرىتى ئەيسا شۇ. سىلەر ئۇنى تۇتۇڭلار» دېگەن ۋە سۆيۈش ئارقىلىق بەلگە بەرمەكچى بولغانىدى. ئۇ ئۇدۇل ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا بېرىپ: - سالام ئۇستاز، - دەپ ئۇنى سۆيدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - بۇرادەر، قىلىدىغىنىڭنى قىل، - دېدى. بۇنىڭ بىلەن، ھېلىقى ئادەملەر يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، ھەزرىتى ئەيساغا قول سېلىپ، ئۇنى تۇتقۇن قىلدى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىدىكىلەردىن بىرەيلەن دەرھال قىلىچىنى سۇغۇرۇپ، باش روھانىينىڭ چاكىرىغا ئۇردى. قىلىچ چاكارنىڭ قۇلىقىغا تېگىپ، ئۇنى شىلىپ چۈشۈرۈۋەتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - قىلىچىڭنى قىنىغا سال، قىلىچ كۆتۈرگەنلەر قىلىچ ئاستىدا ھالاك بولىدۇ. ياكى مېنى خۇدائاتامدىن ياردەم ئالالمايدۇ، دەپ ئويلاپ قالدىڭمۇ؟! خالىسام، ئۇ ماڭا شۇئان ئون ئىككى تۈمەندىن ئارتۇق پەرىشتە ئەۋەتىدۇ. بىراق، ئەگەر مەن ئۇنداق قىلسام، مۇقەددەس يازمىلاردىكى چوقۇم مۇشۇنداق بولۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى سۆزلەر قانداق ئەمەلگە ئاشسۇن؟ - دېدى. ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇ ئادەملەرگە قاراپ مۇنداق دېدى: - سىلەر قىلىچ-توقماقلارنى كۆتۈرۈپ مېنى تۇتقىلى كەپسىلەر، مېنى قاراقچى كۆرۈۋاتامسىلەر؟ ھەر كۈنى مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا ئولتۇرۇپ تەلىم بېرەتتىم. ئۇ چاغدا تۇتمىدىڭلار. ئەمما، بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى پەيغەمبەرلەرنىڭ مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن ئېيتقانلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى بولدى. بۇ چاغدا، شاگىرتلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنى تاشلاپ قېچىپ كېتىشتى. ھەزرىتى ئەيسانى تۇتقۇن قىلغانلار ئۇنى باش روھانىي قاياپانىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى. تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن خەلق ئاقساقاللىرىمۇ ئۇ يەردە جەم بولۇشقانىدى. پېترۇس ھەزرىتى ئەيساغا تاكى باش روھانىينىڭ ھويلىسىغىچە يىراقتىن ئەگىشىپ باردى ۋە ئىشنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئىچكىرىگە كىرىپ، قاراۋۇللارنىڭ يېنىدا ئولتۇردى. ئالىي روھانىيلار ۋە پۈتۈن ئالىي كېڭەشمە ئەزالىرى ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىش ئۈچۈن، يالغان ئىسپات ئىزدەيتتى. بىرمۇنچە يالغان گۇۋاھچىلار ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، ئىسپات كۆرسىتىپ بېرەلمىدى. ئاخىردا، ئىككى گۇۋاھچى ئوتتۇرىغا چىقىپ: - بۇ ئادەم: «مەن خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۈچ كۈن ئىچىدە قايتا ياساپ چىقالايمەن» دېگەن، - دېدى. باش روھانىي ئورنىدىن تۇرۇپ، ھەزرىتى ئەيساغا: - قېنى، جاۋاب بەرمەمسەن؟ بۇلارنىڭ سېنىڭ ئۈستۈڭدىن بەرگەن گۇۋاھلىقلىرىغا نېمە دەيسەن؟ - دېدى. لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا لام-جىم دېمىدى. باش روھانىي ئۇنىڭغا: - مەڭگۈ ھايات خۇدا ئالدىدا قەسەم قىلىشىڭنى بۇيرۇيمەن. ئېيتقىن، خۇدانىڭ ئوغلى قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ سەنمۇ؟ - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: - سىزنىڭ دېگىنىڭىزدەك. لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭكى، بۇنىڭدىن كېيىن سىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ قادىر خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدىغانلىقىنى ۋە كۆكتىكى بۇلۇتلار ئۈستىدە كېلىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر. بۇ سۆزنى ئاڭلىغان باش روھانىي تونلىرىنى يىرتىپ تاشلاپ: - ئۇ خۇداغا كۇپۇرلۇق قىلدى. ئەمدى باشقا ھېچقانداق گۇۋاھچىنىڭ ھاجىتى قالمىدى. سىلەر ئۇنىڭ كۇپۇرلۇقلىرىنى ئاڭلىدىڭلار. ئەمدى بۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر؟ - دېدى. - ئۆلۈم جازاسىغا تېگىشلىك! - دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتى ئۇلار. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ يۈزىگە تۈكۈرۈپ، ئۇنىڭغا مۇشت ئاتتى. بەزىلىرى ئۇنى كاچاتلاپ: - ئەي مەسىھ، پەيغەمبەر بولساڭ، ئېيتىپ باققىنا، سېنى كىم ئۇردى؟ - دېيىشتى. پېترۇس تاشقىرىدىكى ھويلىدا ئولتۇراتتى. بىر دېدەك ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: - سەن جەلىلىيىلىك ئەيسا بىلەن بىر ئىدىڭغۇ، - دېدى. - سېنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىڭنى چۈشەنمىدىم! - دەپ ئىنكار قىلدى پېترۇس ھەممەيلەننىڭ ئالدىدا. ئاندىن، پېترۇس دەرۋازىنىڭ ئالدىغا چىقتى. ئۇنى كۆرگەن يەنە بىر دېدەك ئۇ يەردە تۇرغانلارغا: - بۇ ئادەم ناسىرەلىك ئەيسانىڭ شېرىكى ئىدى، - دېدى. پېترۇس قەسەم قىلىپ: - مەن ئۇ ئادەمنى تونۇمايمەن، - دەپ يەنە ئىنكار قىلدى. ئۇ يەردە تۇرغانلار بىرئازدىن كېيىن پېترۇسنىڭ يېنىغا كېلىپ: - شۈبھىسىزكى، سەن ئەيسانىڭ شېرىكلىرىنىڭ بىرى. تەلەپپۇزۇڭدىن مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدۇ، - دېيىشتى. پېترۇس قەسەم قىلىپ: - ئۇ ئادەمنى تونۇمايمەن. بولمىسا، مېنى خۇدا ئۇرسۇن! - دېدى. دەل شۇ چاغدا، خوراز چىللىدى. پېترۇس ھەزرىتى ئەيسانىڭ: «خوراز چىللاشتىن بۇرۇن، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن!» دېگەن سۆزىنى ئېسىگە ئېلىپ، تاشقىرىغا چىقىپ قاتتىق يىغلاپ كەتتى. تاڭ ئېتىشى بىلەنلا، پۈتۈن ئالىي روھانىيلار بىلەن خەلق ئاقساقاللىرى مەسلىھەتلىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدۇرۇش ئۈچۈن باغلاپ، ۋالىي پىلاتۇسقا تاپشۇرۇپ بەردى. ھەزرىتى ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆز قىلمىشىغا پۇشايمان قىلدى ۋە ئالىي روھانىيلار بىلەن ئاقساقاللارغا ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگىنى قايتۇرۇپ بېرىپ: - مەن بىگۇناھ بىر جانغا زامىن بولۇپ گۇناھ ئۆتكۈزدۈم، - دېدى. - بۇ سېنىڭ ئىشىڭ، بىزنىڭ نېمە كارىمىز؟ - دېيىشتى ئۇلار. يەھۇدا پۇللارنى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىگە چېچىۋەتتى ۋە ئۇ يەردىن چىقىپ، ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى. پۇللارنى يىغىۋالغان ئالىي روھانىيلار: - قان تۆكۈش ئۈچۈن تۆلەنگەن بۇ تەڭگىلەرنى ئىبادەتخانىنىڭ خەزىنىسىگە قويۇش ھارام، - دېيىشتى. ئۇلار ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپ، بۇ پۇللار بىلەن ياقا يۇرتلۇقلارغا مازارلىق قىلىش ئۈچۈن، خۇمدانچىنىڭ بىر پارچە يېرىنى سېتىۋالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ يەر ھازىرغىچە «قانلىق يەر» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. بۇ ۋەقە ئارقىلىق يەرەمىيا پەيغەمبەر تەرىپىدىن بۇرۇن ئېيتىلغان مۇنۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: «ئۇلار ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن بەلگىلىگەن باھاسىنى، يەنى ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگىنى ئېلىشتى ۋە پەرۋەردىگار ماڭا ئەمر قىلغاندەك، خۇمدانچىنىڭ يېرىنى سېتىۋېلىشقا خەجلەشتى.» ھەزرىتى ئەيسا ۋالىينىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلدى. ۋالىي ئۇنىڭدىن: - سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇ؟ - دەپ سورىدى. - ئېيتقىنىڭىزدەك، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. ئالىي روھانىيلار ۋە ئاقساقاللار ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز-شىكايەت قىلغاندا، ئۇ بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىدى. بۇنىڭ بىلەن، پىلاتۇس ئۇنىڭغا: - سېنىڭ ئۈستۈڭدىن قىلىنغان شۇنچە كۆپ شىكايەتلەرنى ئاڭلىمايۋاتامسەن؟ - دېدى. بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ بىرىگىمۇ جاۋاب بەرمىدى. ۋالىي بۇنىڭغا ئىنتايىن ھەيران قالدى. ھەر قېتىملىق ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا، ۋالىي ئادىتى بويىچە خالايىق تەلەپ قىلغان بىر مەھبۇسنى قويۇپ بېرەتتى. ئەينى ۋاقىتتا، بارابباس ئىسىملىك نامى چىققان بىر مەھبۇس زىنداندا ئىدى. خەلق بىر يەرگە جەم بولغاندا، پىلاتۇس ئۇلاردىن: - سىلەر ئۈچۈن كىمنى قويۇپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلىسىلەر؟ بارابباسنىمۇ ياكى مەسىھ دەپ ئاتالغان ئەيسانىمۇ؟ - دەپ سورىدى. پىلاتۇس ئالىي روھانىيلار ۋە ئاقساقاللارنىڭ ھەزرىتى ئەيساغا ھەسەتخورلۇق قىلىپ ئۇنى ئۆزىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى بىلەتتى. پىلاتۇس سوراق مۇنبىرىدە ئولتۇرغاندا، ئايالى ئۇنىڭغا: - ئۇ بىگۇناھ ئادەمگە تەگمەڭ. ئۇ تۈنۈگۈن كېچە چۈشۈمگە كىرىپ، كۆپ ئازابلاندىم، - دەپ خەۋەر ئەۋەتتى. ئالىي روھانىيلار ۋە ئاقساقاللار بولسا خەلقنى كۈشكۈرتۈپ، ۋالىي پىلاتۇستىن بارابباسنى قويۇپ بېرىشنى ۋە ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشنى تەلەپ قىلدۇردى. ۋالىي ئۇلاردىن يەنە: - سىلەر ئۈچۈن بۇ ئىككىسىنىڭ قايسىسىنى قويۇپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلىسىلەر؟ - دەپ سورىدى. - بارابباسنى، - دېيىشتى ئۇلار. - ئۇنداق بولسا، مەسىھ دەپ ئاتالغان ئەيسانى قانداق بىر تەرەپ قىلاي؟ - دېدى پىلاتۇس. ھەممەيلەن بىر ئېغىزدىن: - ئۇنى كرېستكە مىخلىتىڭ! - دېيىشتى. پىلاتۇس: - نېمىشقا؟ ئۇ زادى نېمە جىنايەت ئۆتكۈزۈپتۇ؟ - دەپ سورىدى. بىراق، ئۇلار تېخىمۇ قاتتىق ۋارقىرىشىپ: - ئۇنى كرېستكە مىخلىتىڭ! - دەپ تۇرۇۋېلىشتى. پىلاتۇس يەنە سۆزلەشنىڭ ئەھمىيەتسىز ئىكەنلىكىنى، بولمىسا قالايمىقانچىلىق چىقىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، سۇ ئېلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا قولىنى يۇغاچ: - بۇ ئادەمنىڭ قېنىغا مەن جاۋابكار ئەمەس، بۇ ئىشقا ئۆزۈڭلار مەسئۇل بولۇڭلار! - دېدى. پۈتۈن خەلق بىر ئېغىزدىن: - ئۇنىڭ قېنىنىڭ جاۋابكارلىقى بىزنىڭ ۋە بالىلىرىمىزنىڭ ئۈستىدە بولسۇن! - دېيىشتى. بۇنىڭ بىلەن، پىلاتۇس بارابباسنى ئۇلارغا چىقىرىپ بەردى. ھەزرىتى ئەيسانى بولسا قامچىلاتقاندىن كېيىن، كرېستكە مىخلاش ئۈچۈن لەشكەرلىرىگە تاپشۇردى. كېيىن، لەشكەرلەر ھەزرىتى ئەيسانى ۋالىي ئوردىسىدىكى بىر سەيناغا ئېلىپ كىرىپ، پۈتۈن لەشكەرلەر توپىنى بۇ يەرگە يىغدى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى يالىڭاچلاپ، ئۇچىسىغا شاھانە سۆسۈن رەڭلىك تون كىيدۈرۈشتى. تىكەن شاخلىرىنى ئۆرۈپ بىر تاج ياساپ، بېشىغا كىيدۈردى ۋە ئوڭ قولىغا بىر قومۇشنى تۇتقۇزدى. ئاندىن، ئۇنىڭ ئالدىغا تىزلىنىپ: «ياشىسۇن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى!» دەپ مازاق قىلىشتى. ئۇنىڭغا تۈكۈرۈشتى، قومۇشنى ئېلىپ ئۇنىڭ بېشىغا ئۇرۇشتى. ئۇنى مانا شۇنداق مازاق قىلغاندىن كېيىن، توننى سالدۇرۇپ، ئۇچىسىغا ئۆز كىيىملىرىنى كىيدۈردى ۋە كرېستكە مىخلاش ئۈچۈن ئېلىپ مېڭىشتى. ئۇلار تاشقىرىغا چىققىنىدا، كىرىنى شەھىرىلىك سىمۇن ئىسىملىك بىر كىشىنى ئۇچرىتىپ، ھەزرىتى ئەيسا يۈدۈپ ماڭغان كرېستنى ئۇنىڭغا مەجبۇرىي كۆتۈرگۈزدى. ئۇلار گولگوتا، يەنى «باش سۆڭەك» دېگەن يەرگە كەلگەندە، ھەزرىتى ئەيساغا ئىچىش ئۈچۈن دورا ئارىلاشتۇرۇلغان شاراب بەردى، لېكىن ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى تېتىپ كۆرۈپ، ئىچكىلى ئۇنىمىدى. لەشكەرلەر ھەزرىتى ئەيسانى كرېستكە مىخلىغاندىن كېيىن، چەك تاشلىشىپ كىيىملىرىنى بۆلۈشۈۋالدى. ئاندىن كېيىن، ئۇ يەردە ئولتۇرۇپ نۆۋەتچىلىك قىلدى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ بېشىنىڭ يۇقىرى تەرىپىگە «بۇ، يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى ئەيسا» دەپ يېزىلغان بىر گۇناھ تاختىسىنى ئاستى. ھەزرىتى ئەيسادىن باشقا ئىككى قاراقچىمۇ كرېستكە مىخلانغان بولۇپ، بىرى ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدىكى، يەنە بىرى سول يېنىدىكى كرېستتە ئىدى. ئۇ يەردىن ئۆتكەنلەر باشلىرىنى چايقىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانى ھاقارەتلەپ: - قېنى، سەن ئىبادەتخانىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۈچ كۈندە قايتىدىن ياساپ چىقىدىغان ئادەم ئىدىڭغۇ؟ ئەمدى ئۆزۈڭنى قۇتقۇزغىنا! خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، كرېستتىن چۈشۈپ باققىن! - دېيىشتى. ئالىي روھانىيلار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە ئاقساقاللارمۇ ئۇنى شۇنداق مەسخىرە قىلىپ: - باشقىلارنى قۇتقۇزۇپتىكەن، ئۆزىنى قۇتقۇزالمىدى، ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھىمىش تېخى! ئەمدى كرېستتىن چۈشۈپ باقسۇنچۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلايلى. ئۇ خۇداغا ئىشىنەتتى، خۇدا ئۇنى ئەزىزلىسە، قۇتقۇزۇپ باقمىسۇنمۇ! چۈنكى، ئۇ: «مەن خۇدانىڭ ئوغلى» دېگەنىدى، - دېيىشتى. ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىللە كرېستكە مىخلانغان قاراقچىلارمۇ ئۇنى شۇنداق ھاقارەتلەشتى. چۈش ۋاقتى سائەت ئون ئىككىدىن سائەت ئۈچكىچە پۈتۈن زېمىننى قاراڭغۇلۇق باستى. سائەت ئۈچلەردە ھەزرىتى ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «ئېلى، ئېلى، لەما شەۋاقتانى؟» يەنى «خۇدايىم، خۇدايىم، مېنى نېمىشقا تاشلىۋەتتىڭ؟» دەپ ۋارقىرىدى. ئۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ بەزىلىرى بۇنى خاتا ئاڭلاپ: - بۇ ئادەم ئىلياس پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىۋاتىدۇ - دېيىشتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرەيلەن دەرھال يۈگۈرۈپ بېرىپ، بىر پارچە بۇلۇتنى ئەكەلدى. ئاندىن، ئۇنى ئەرزان ئۈزۈم شارابىغا چىلاپ، قومۇشنىڭ ئۇچىغا باغلاپ ھەزرىتى ئەيساغا ئىچكۈزمەكچى بولدى. باشقىلار: - توختاپ تۇرۇڭلار، قاراپ باقايلى، ئىلياس پەيغەمبەر كېلىپ ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالارمىكىن؟ - دېيىشتى. ھەزرىتى ئەيسا قاتتىق ئاۋاز بىلەن يەنە بىر ۋارقىرىدى-دە، جان بەردى. شۇ ۋاقىتتا، مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى پەردە يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئىككى پارچە بۆلۈپ يىرتىلدى. زېمىن سىلكىنىپ، تاشلار يېرىلىپ، قەبرىلەر ئېچىلدى. ھەزرىتى ئەيسا تىرىلگەندىن كېيىن، بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن بىرمۇنچە تەقۋادار ئادەملەر تىرىلدى. ئۇلار قەبرىلىرىدىن چىقتى ۋە مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېمغا كىرىپ، ئۇ يەردە نۇرغۇن كىشىلەرگە كۆرۈندى. ھەزرىتى ئەيسانى كۆزەت قىلىۋاتقان يۈزبېشى ۋە لەشكەرلەر زېمىننىڭ سىلكىنىشى ۋە باشقا ھادىسىلەرنى كۆرۈپ، ئىنتايىن قورقۇشقان ھالدا: - ئۇ ھەقىقەتەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەن! - دېيىشتى. ئۇ يەردە يەنە ۋەقەنى يىراقتىن كۆرۈپ تۇرغان بىرمۇنچە ئاياللارمۇ بار ئىدى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيساغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن، جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەنىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مەجدەللىك مەريەم، ياقۇپ بىلەن يۈسۈپنىڭ ئانىسى مەريەم، زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئانىسىمۇ بار ئىدى. كۈن پېتىشقا يېقىن، ئاراماتىيالىق يۈسۈپ ئىسىملىك بىر باي كەلدى. ئۇمۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىدىن ئىدى. ئۇ ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتىنى تەلەپ قىلدى. پىلاتۇس جەسەتنى ئۇنىڭغا بېرىشكە ئەمر قىلدى. يۈسۈپ جەسەتنى ئېلىپ، پاكىز كەندىر رەخت بىلەن ئوراپ كېپەنلىدى ۋە ئۇنى ئۆزى ئۈچۈن قىيادا ئويدۇرغان يېڭى قەبرىگە قويدى. ئاندىن، قەبرىنىڭ ئاغزىغا يوغان بىر قورام تاشنى دومىلىتىپ قويۇپ كېتىپ قالدى. مەجدەللىك مەريەم بىلەن يەنە بىر مەريەم بولسا ئۇ يەردە، قەبرىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرۇشتى. دەم ئېلىش كۈنىنىڭ ھارپىسى ئۆتكەنىدى. ئۇنىڭ ئەتىسى، ئالىي روھانىيلار بىلەن پەرىسىيلەر ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئالدىدا جەم بولۇشۇپ: - جانابلىرى، ئەيسانىڭ ھايات ۋاقتىدا: «مەن ئۆلۈپ ئۈچىنچى كۈنى تىرىلىمەن» دېگىنى ئېسىمىزدە. شۇنىڭ ئۈچۈن، قەبرىنى ئۈچىنچى كۈنىگىچە قوغداش ئۈچۈن ئەمر بەرگەيسىز. ئۇنداق قىلمىغاندا، شاگىرتلىرى كېلىپ جەسەتنى ئوغرىلاپ كېتىپ، خەلققە: «ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلدى» دېيىشى مۇمكىن. ئۇ ئىغۋاگەرچىلىك ئالدىنقىسىدىنمۇ بەتتەر بولىدۇ، - دېيىشتى. پىلاتۇس ئۇلارغا: - قوغدىغۇچى لەشكەر ئېلىپ بېرىپ، قەبرىنى قۇربىڭلارنىڭ يېتىشىچە قوغداڭلار، - دېدى. ئۇلار لەشكەرلەر بىلەن بىللە بېرىپ، تاشنى پېچەتلەپ، قەبرىنى مۇھاپىزەت ئاستىغا ئالدى. دەم ئېلىش كۈنى ئۆتۈپ يەكشەنبە كۈنى تاڭ سۈزۈلگەندە، مەجدەللىك مەريەم بىلەن يەنە بىر مەريەم قەبرىنى يوقلاپ باردى. تۇيۇقسىز قاتتىق يەر تەۋرەپ كەتتى، چۈنكى رەبنىڭ پەرىشتىلىرىدىن بىرى ئاسماندىن چۈشۈپ، قەبرىگە بېرىپ تاشنى بىر يانغا دومىلىتىپ، ئۈستىدە ئولتۇرغانىدى. پەرىشتىنىڭ قىياپىتى چاقماقتەك، كىيىملىرى قاردەك ئاپئاق ئىدى. قوغدىغۇچىلار ئۇنىڭدىن قورقۇپ تىترىشىپ، ئۆلۈكتەك قېتىپلا قالدى. پەرىشتە ئاياللارغا مۇنداق دېدى: - قورقماڭلار! سىلەرنىڭ كرېستكە مىخلانغان ھەزرىتى ئەيسانى ئىزدەيدىغانلىقىڭلارنى بىلىمەن. ئۇ بۇ يەردە ئەمەس؛ ئۇ ئۆزى ئېيتقاندەك تىرىلدى. كېلىڭلار، ئۇ ياتقان جاينى كۆرۈڭلار. دەرھال بېرىپ ئۇنىڭ شاگىرتلىرىغا: «ھەزرىتى ئەيسا ئۆلۈمدىن تىرىلىپتۇ. جەلىلىيىگە سىلەردىن ئاۋۋال بارىدىكەن، ئۇنى شۇ يەردە كۆرىدىكەنسىلەر» دەڭلار. مانا مەن سىلەرگە ئېيتىپ بەردىم. ئاياللار بىر تەرەپتىن قورقسا، يەنە بىر تەرەپتىن زور خۇشاللىق ئىچىدە قەبرىدىن دەرھال ئايرىلىپ، يۈگۈرگەن پېتى ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا خەۋەر بېرىشكە كېتىشتى. توساتتىن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ: - سالام سىلەرگە! - دېدى. ئۇلارمۇ ئالدىغا بېرىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ پۇتىغا ئېسىلىپ، ئۇنىڭغا سەجدە قىلدى. شۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - قورقماڭلار! بېرىپ قېرىنداشلىرىمغا خەۋەر قىلىڭلار. جەلىلىيىگە بارسۇن، مېنى شۇ يەردە كۆرىدۇ، - دېدى. ئاياللار تېخى يولدا كېتىۋاتقاندا، قەبرە قوغدىغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى شەھەرگە كىرىپ، بولغان ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسىنى ئالىي روھانىيلارغا خەۋەر قىلدى. ئالىي روھانىيلار ئاقساقاللار بىلەن بىر يەرگە يىغىلىپ مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، لەشكەرلەرگە زور مىقداردا پۇل بېرىپ: - سىلەر: «ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى كېچىسى كېلىپ، بىز ئۇخلاۋاتقاندا ئۇنىڭ جەسىتىنى ئوغرىلاپ ئەكېتىپتۇ» دەڭلار. ئەگەر بۇ خەۋەر ۋالىينىڭ قۇلىقىغا يېتىپ قالسا، بىز ئارىغا چۈشۈپ، سىلەرگە گەپ كەلتۈرمەيمىز، - دېدى. شۇنداق قىلىپ، لەشكەرلەر پۇلنى ئالدى ۋە ئۇلارنىڭ دېگىنى بويىچە قىلدى. بۇ ئىغۋا بۈگۈنگىچە يەھۇدىيلار ئارىسىدا تارقىلىپ كەلمەكتە. ئون بىر شاگىرت ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا ئېيتقان جەلىلىيىدىكى تاغقا چىقىشتى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى كۆرگىنىدە ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشتى، لېكىن بەزىلىرى گۇمان ئىچىدە ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ، مۇنداق دېدى: - ئەرشتە ۋە يەر يۈزىدە پۈتۈن ھوقۇق ماڭا بېرىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بېرىپ پۈتكۈل مىللەتلەرنى مېنىڭ شاگىرتلىرىم قىلىپ يېتىشتۈرۈڭلار. ئۇلارنى خۇدائاتا، ئۇنىڭ ئوغلى ۋە مۇقەددەس روھنىڭ نامى بىلەن چۆمۈلدۈرۈپ، ئۇلارغا مەن سىلەرگە بۇيرۇغان بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىڭلار. مەن ھەقىقەتەنمۇ زامان ئاخىرىغىچە ھەر دائىم سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن. خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەر مۇنداق باشلىنىدۇ: يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىدا خۇدانىڭ مۇنۇ سۆزلىرى خاتىرىلەنگەن: «مانا، ئالدىڭدا ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن. ئۇ سېنىڭ يولۇڭنى ئالدىنئالا تەييارلايدۇ.» ئۇ بولسا: «باياۋاندا: ˜دىلىڭلارنى رەببىمىزنىڭ كېلىشىگە تەييار قىلىڭلار! ئۇنىڭ يوللىرىنى تۈز قىلىڭلار!Œ» دەپ توۋلايدىغان كىشىدۇر. دەرۋەقە، چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا چۆل-باياۋاندا پەيدا بولۇپ، كىشىلەرگە: - يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىڭلار! توۋا قىلغانلىقىڭلارنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار. شۇنداق قىلغاندا، خۇدا سىلەرنى كەچۈرۈم قىلىدۇ! - دەپ جاكارلىدى. كىشىلەر يېرۇسالېم شەھىرىدىن، جۈملىدىن پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ، گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىشتى ۋە ئۇنىڭ ئۆزلىرىنى ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشتى. يەھيا پەيغەمبەر تۆگە يۇڭىدىن كىيىم كىيگەن، بېلىگە كۆن تاسما باغلىغانىدى. يەيدىغىنى چېكەتكە بىلەن ياۋا ھەرە ھەسىلى ئىدى. ئۇ مۇنداق دەپ جاكارلايتتى: - مەندىن كېيىن تېخىمۇ قۇدرەتلىك بىرى كېلىدۇ. مەن ھەتتا ئېڭىشىپ ئۇنىڭ ئايىغىنىڭ يىپلىرىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن! مەن سىلەرنى سۇغىلا چۆمۈلدۈرىمەن، لېكىن ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا چۆمۈلدۈرىدۇ. شۇ كۈنلەردە، ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىنىڭ ناسىرە شەھىرىدىن كېلىپ، يەھيا پەيغەمبەر تەرىپىدىن ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈلدى. ئۇ سۇدىن چىقىپلا، ئاسماننىڭ يېرىلىپ، مۇقەددەس روھنىڭ كەپتەر ھالىتىدە ئاسماندىن چۈشۈپ، ئۆز ئۈستىگە قونۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئاندىن، ئەرشتىن خۇدانىڭ: «سەن مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن سەندىن خۇرسەنمەن!» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. مۇقەددەس روھ ھەزرىتى ئەيسانى شۇئان چۆل-باياۋانغا ئېلىپ كەلدى. ئۇ چۆلدە قىرىق كۈن تۇرۇپ، شەيتان تەرىپىدىن سىنالدى. ئۇ ياۋايى ھايۋاناتلار ياشايدىغان يەردە بولغان شۇ جەرياندا، پەرىشتىلەر ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولدى. يەھيا پەيغەمبەر تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ: «ۋاقىت-سائەت يېتىپ كەلدى. خۇدانىڭ پادىشاھلىقى نامايان بولۇش ئالدىدا تۇرىدۇ! شۇڭا، توۋا قىلىڭلار، خۇش خەۋەرگە ئىشىنىڭلار!» دەپ، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلاشقا باشلىدى. بىر كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە كۆلى بويىدا كېتىۋېتىپ، سىمۇن بىلەن ئىنىسى ئەندەرنى كۆردى. ئۇلار بېلىقچى بولۇپ، كۆلگە تور سېلىۋاتاتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - ماڭا ئەگىشىڭلار، مەن سىلەرنى بېلىق تۇتۇشنىڭ ئورنىغا، ماڭا ئادەم تۇتىدىغان قىلىمەن، - دېدى. ئۇلار شۇئان بېلىق تورلىرىنى تاشلاپ، ھەزرىتى ئەيسا بىلەن ماڭدى. كۆل بويىدا بىرئاز ماڭغاندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ياقۇپ بىلەن يۇھاننانى كۆردى. ئۇلار كېمىدە تورلىرىنى ئوڭشاۋاتاتتى. ھەزرىتى ئەيسا دەرھال ئۇلارنى شاگىرتلىققا چاقىردى. ئۇلار ئاتىسى زەبەدىينى مەدىكارلار بىلەن بىللە كېمىدە قالدۇرۇپ، ئۆزلىرى ھەزرىتى ئەيسا بىلەن ماڭدى. ئۇلار كەپەرناھۇم شەھىرىگە كىردى. دەم ئېلىش كۈنى ھەزرىتى ئەيسا ئىبادەتخانىغا كىرىپ، تەلىم بېرىشكە باشلىدى. خالايىق ئۇنىڭ تەلىملىرىگە ھەيران قېلىشتى. چۈنكى، ئۇنىڭ تەلىملىرى نوپۇزلۇق ئىدى، تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭكىگە ئوخشىمايتتى. ئىبادەتخانىدا جىن چاپلاشقان بىر كىشى بار ئىدى. دەل شۇ چاغدا، ئۇ: - ئەي ناسىرەلىك ئەيسا، بىز بىلەن كارىڭ بولمىسۇن! بىزنى يوقاتماقچىمۇسەن؟ مەن سېنىڭ كىملىكىڭنى بىلىمەن. خۇدا ئەۋەتكەن مۇقەددەس بولغۇچىسەن! - دەپ توۋلاپ كەتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى سۆزلىتىۋاتقان جىنغا بۇيرۇق قىلىپ: - ئاغزىڭنى يۇم، بۇ ئادەمنىڭ تېنىدىن چىق! - دېدى. جىن ھېلىقى ئادەمنىڭ بەدىنىنى قاتتىق تارتىشتۇردى ۋە پەرياد كۆتۈرگىنىچە ئۇنىڭ تېنىدىن چىقىپ كەتتى. بۇنىڭدىن ھەيران بولغان كۆپچىلىك بىر-بىرىگە: - بۇ قانداق ئىش؟ يىپيېڭى بىر تەلىمغۇ! ئۇ دەرۋەقە جىنلارغا بۇيرۇق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەن! ئۇلارمۇ ئۇنىڭ سۆزىگە بويسۇنىدىكەن، - دېيىشتى. بۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تېزلىكتە پۈتۈن جەلىلىيە ئۆلكىسىگە تارقالدى. ھەزرىتى ئەيسا ئىبادەتخانىدىن چىقىپلا، سىمۇن ۋە ئەندەر بىلەن بىللە ئۇلارنىڭ ئۆيىگە باردى. ياقۇپ ۋە يۇھاننامۇ ئۇلار بىلەن بىرگە باردى. سىمۇننىڭ قېينانىسى قىزىتما ئىچىدە ياتاتتى. ئۇنىڭ ئەھۋالى ھەزرىتى ئەيساغا دەرھال مەلۇم قىلىندى. ھەزرىتى ئەيسا بىمارنىڭ قېشىغا كىرىپ، قولىدىن تۇتۇپ يۆلەپ، ئۆرە تۇرغۇزدى. ئايالنىڭ قىزىتمىسى دەرھال يېنىپ، ئۇلارنى كۈتۈشكە باشلىدى. كەچقۇرۇن كۈن پاتقاندا، كىشىلەر بارلىق بىمارلارنى ۋە جىن چاپلاشقانلارنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. پۈتۈن شەھەردىكىلەر ئىشىك ئالدىغا توپلاشقانىدى. ھەزرىتى ئەيسا ھەر خىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان نۇرغۇن كىشىلەرنى ساقايتتى. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تېنىدىكى جىنلارنى ھەيدەپ، جىنلارنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئېغىز ئېچىشىغا يول قويمىدى. چۈنكى، جىنلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىشەتتى. ئەتىسى ئەتىگەن تاڭ تېخى سۈزۈلمەستىنلا، ھەزرىتى ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ، شەھەر سىرتىدىكى خىلۋەت بىر يەرگە بېرىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلدى. سىمۇن بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ھەزرىتى ئەيسانى ئىزدەپ چىقىپ، ئۇنى تاپقاندا: - ھەممەيلەن سىزنى ئىزدىشىۋاتىدۇ! - دېيىشتى. بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - يېقىن ئەتراپتىكى يېزىلارغىمۇ بارمىساق بولمايدۇ. ئۇ يەردىمۇ خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزۈشۈم كېرەك. چۈنكى، مەن مۇشۇ ئىش بىلەن كەلدىم، - دېدى. شۇنداق قىلىپ، ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىنىڭ ھەممە يېرىگە بېرىپ، ئىبادەتخانىلاردا تەلىم بەردى ھەمدە كىشىلەرنىڭ تېنىدىكى جىنلارنى ھەيدىدى. ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر كىشى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ، تىزلىنىپ تۇرۇپ: - تەقسىر، ئەگەر خالىسىڭىز، مېنى كېسىلىمدىن ساقايتىپ پاك قىلغايسىز! - دەپ يالۋۇردى. ئىچى ئاغرىغان ھەزرىتى ئەيسا قولىنى ئۇنىڭغا تەگكۈزۈپ تۇرۇپ: - خالايمەن، پاك بولغىن! - دېۋىدى، ئۇ ئادەم شۇئان ماخاۋ كېسىلىدىن ساقىيىپ، پاكپاكىز بولدى. بىراق، ئۇ ئادەم چىقىپ، بۇ ئىشنى ھەممە يەرگە يېيىۋەتتى. نەتىجىدە، خالايىقنىڭ ئۆزىنىڭ ئەتراپىغا توپلىنىۋالماسلىقى ئۈچۈن، ھەزرىتى ئەيسا ھېچقانداق شەھەرگە ئاشكارا بارالماي، شەھەر سىرتىدىكى خىلۋەت جايلاردا تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. شۇنداقتىمۇ، ھەر يەردىن كەلگەن خەلق ئۇنى يەنىلا ئىزدەپ تۇردى. بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا كەپەرناھۇمدىكى بۇرۇن تۇرغان ئۆيگە يەنە كەلدى. ئۇنىڭ كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقىلىش بىلەنلا، ئۇ يەرگە شۇنچىلىك كۆپ ئادەم يىغىلدىكى، ھەتتا ئىشىك ئالدىدىمۇ پۇت تىققۇدەك يەر قالمىغانىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزۈۋاتاتتى. شۇ ئەسنادا، ئۇنىڭ يېنىغا پالەچ بىر ئادەمنى تۆت كىشى كۆتۈرۈپ ئېلىپ كەلدى. ئۇلار ئادەمنىڭ تولىلىقىدىن ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا بارالماي، ئۇ تەلىم بېرىۋاتقان ئۆينىڭ ئۆگزىسىنى تېشىپ، بىمارنى ياتقان ئورۇن-كۆرپىسى بىلەن ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا چۈشۈردى. ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى كۆرگەن ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى پالەچكە: - ئوغلۇم، سېنىڭ گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى، - دېدى. ئۇ يەردە ئولتۇرغان بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى كۆڭلىدە: «بۇ ئادەم نېمە ئۈچۈن مۇنداق دەيدۇ؟ بۇ كۇپۇرلۇققۇ! خۇدادىن باشقا ھېچكىمنىڭ گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقى يوققۇ!» دېيىشتى. ئۇلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى شۇئان بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - سىلەر بۇنى نېمە ئۈچۈن كۇپۇرلۇق دەيسىلەر؟ «گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى!» دېيىش ئاسانمۇ ياكى «ئورنۇڭدىن تۇر، ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭ!» دېيىشمۇ؟ ئەلۋەتتە، ئېيتماق ئاسان، قىلماق تەس. ئەمما، ھازىر ئىنسانئوغلىنىڭ يەر يۈزىدە گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەي، - دېدى. ئاندىن، پالەچ كېسەلگە: - ئورنۇڭدىن تۇر، ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيۈڭگە قايت! - دەپ بۇيرۇدى. ھېلىقى ئادەم ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئورۇن-كۆرپىسىنى يىغىشتۇردى ۋە ھەممەيلەننىڭ كۆز ئالدىدا ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. ھەيران قالغان خالايىق خۇدانى مەدھىيىلىشىپ: - بۇنداق ئىشنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغانىدۇق، - دېيىشتى. ھەزرىتى ئەيسا يەنە كۆل بويىغا قاراپ ماڭدى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ ئەتراپىغا توپلىشىۋالدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا تەلىم بەردى. ھەزرىتى ئەيسا يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، باج يىغىدىغان جايدا ئولتۇرغان ئالفاينىڭ ئوغلى لاۋىينى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا: - ماڭا ئەگەشكىن، - دېدى. لاۋىي ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەشتى. كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا لاۋىينىڭ ئۆيىدە مېھماندارچىلىقتا بولۇۋاتقاندا، تەكلىپ قىلىنغان نۇرغۇن باجگىرلار ۋە شۇلاردەك گۇناھكار دەپ قارالغان بىر قىسىم كىشىلەرمۇ ھەزرىتى ئەيسا ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى بىلەن ھەمداستىخان بولدى. ھەزرىتى ئەيساغا ئەگەشكەنلەر ئىچىدە گۇناھكار دەپ قارالغان بۇنداق كىشىلەر خېلى كۆپ ئىدى. پەرىسىي دىنىي ئېقىمىدىكى بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنىڭ گۇناھكار دەپ قارالغانلار ۋە باجگىرلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، شاگىرتلىرىغا: - ئۇنىڭ باجگىر ۋە گۇناھكارلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغىنى قانداق گەپ؟! - دېيىشتى. بۇنى ئاڭلىغان ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - ساغلام ئادەم ئەمەس، بەلكى كېسەل ئادەم تېۋىپقا موھتاجدۇر. مەن ئۆزلىرىنى دۇرۇس ھېسابلايدىغانلارنى ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تونۇيدىغانلارنى چاقىرغىلى كەلدىم، - دېدى. يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى بىلەن پەرىسىيلەر روزا تۇتاتتى. بەزى كىشىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: - يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى ۋە پەرىسىيلەر روزا تۇتىدۇ، سىزنىڭ شاگىرتلىرىڭىز نېمىشقا تۇتمايدۇ؟ - دەپ سوراشتى. ھەزرىتى ئەيسا جاۋابەن مۇنداق دېدى: - تويى بولۇۋاتقان يىگىت تېخى توي زىياپىتىدە تۇرغان چاغدا، مېھمانلار ھەسرەت چېكىۋاتقان ئادەملەردەك روزا تۇتسا قانداق بولغىنى؟! ئەلۋەتتە بولمايدۇ! ئەمما، يىگىتنىڭ ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدىغان كۈنى كېلىدۇ، ئەنە شۇ چاغدا ئۇلار قايغۇ-ھەسرەت چەككىنىدىن روزا تۇتىدۇ. ھېچكىم كونا كۆڭلەككە كىرىشىپ كېتىدىغان يېڭى رەختتىن ياماق سالمايدۇ. ئۇنداق قىلسا، كىيىم يۇيۇلغاندا يېڭى ياماق كىرىشىپ، كىيىمنى يىرتىپ تاشلايدۇ. نەتىجىدە، يىرتىق تېخىمۇ يوغىناپ كېتىدۇ. شۇنىڭدەك، ھېچكىم يېڭى شارابنى كونا تۇلۇمغا قاچىلىمايدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلسا، يېڭى شارابنىڭ كۆپۈشى بىلەن تۇلۇم يېرىلىدۇ-دە، شارابمۇ، تۇلۇممۇ كاردىن چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، يېڭى شارابنى يېڭى تۇلۇمغا قاچىلاش كېرەك. بىر دەم ئېلىش كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا بۇغدايلىقتىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. بىللە كېتىۋاتقان شاگىرتلىرى باشاقلارنى ئۈزۈۋېلىپ، يېيىشكە باشلىدى. پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيساغا: - شاگىرتلىرىڭىز نېمىشقا دەم ئېلىش كۈنى چەكلەنگەن ئىشنى قىلىدۇ، - دېيىشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - پادىشاھ داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ئاچ ۋە موھتاجلىقتا قالغاندا قانداق قىلغانلىقىنى مۇقەددەس يازمىلاردىن ئوقۇمىغانمۇ؟ باش روھانىي ئاۋىياتارنىڭ ۋاقتىدا، پادىشاھ داۋۇت ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس جايغا كىرىپ، خۇداغا ئاتالغان نانلارنى روھانىيدىن سوراپ يېگەن ھەم ھەمراھلىرىغىمۇ بەرگەن. ھالبۇكى، بۇ نانلارنى روھانىيلاردىن باشقا ھەرقانداق كىشىنىڭ يېيىشى تەۋرات قانۇنىغا خىلاپ ئىدى، - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە: - ئىنسان دەم ئېلىش كۈنى ئۈچۈن ئەمەس، دەم ئېلىش كۈنى ئىنسان ئۈچۈن يارىتىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن ئىنسانئوغلى دەم ئېلىش كۈنىنىڭمۇ ئىگىسىدۇرمەن، - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا يەنە ئىبادەتخانىغا كىردى. ئىبادەتخانىدا بىر قولى قۇرۇپ كەتكەن بىر ئادەم بار ئىدى. بەزىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىش ئۈچۈن باھانە ئىزدەش مەقسىتىدە ئۇنىڭ دەم ئېلىش كۈنىمۇ كېسەل ساقايتىدىغان-ساقايتمايدىغانلىقىنى پايلاپ يۈرۈشەتتى. ھەزرىتى ئەيسا قولى قۇرۇپ كەتكەن كېسەلگە: - ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، ئالدىغا چىق! - دېدى. ئاندىن، ئىبادەتخانىدىكىلەردىن: - قانداق قىلىش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇن؟ دەم ئېلىش كۈنى ياخشىلىق قىلىشمۇ ياكى يامانلىق قىلىشمۇ؟ جاننى قۇتقۇزۇشمۇ ياكى ھالاك قىلىشمۇ؟ - دەپ سورىدى. ئۇلار زۇۋان سۈرۈشمىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئەتراپىدىكىلەرگە غەزەپ بىلەن كۆز يۈگۈرتتى. ئۇلارنىڭ تەرسالىقى ئۇنى ئېچىندۇرغانىدى. ئاندىن كېيىن، ئۇ ھېلىقى كېسەلگە: - قولۇڭنى ئۇزات! - دېدى. ئۇ ئادەم قولىنى ئۇزىتىشى بىلەنلا قولى ئەسلىگە كەلدى. بۇنىڭ بىلەن، پەرىسىيلەر تاشقىرىغا چىقىپ، ھەزرىتى ئەيسانى قانداق جايلىۋېتىش ھەققىدە ھىرود پادىشاھنىڭ تەرەپدارلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىشكە باشلىدى. ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن بىللە ئۇ يەردىن ئايرىلىپ كۆل بويىغا كەتتى، جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن نۇرغۇن خالايىق ئۇنىڭغا ئەگىشىپ باردى. ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ئاڭلىغان يەنە نۇرغۇن خالايىق يېرۇسالېم شەھىرى، پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسى، ئىدۇمېيا ئۆلكىسى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپى، تىر ۋە سىدون شەھەرلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردىن سەلدەك ئېقىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشتى. ھەزرىتى ئەيسا خالايىقنىڭ ئارىسىدا قىستىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن، شاگىرتلىرىغا كىچىك بىر كېمە تەييارلاپ قويۇشنى بۇيرۇدى. چۈنكى، ئۇ نۇرغۇن بىمارلارنى ساقايتقاچقا، ھەر خىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۇچىسىنى سىلىۋېلىش ئۈچۈن قىستىشىپ كېلىشكەنىدى. قاچانلا بولمىسۇن، جىن چاپلىشىۋالغانلار ھەزرىتى ئەيسانى كۆرسە، ئۇنىڭ ئايىغىغا باش قويۇپ: «سەن خۇدانىڭ ئوغلىسەن!» دەپ ۋارقىرىشاتتى. لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىماسلىقنى قاتتىق جېكىلەيتتى. ھەزرىتى ئەيسا بىر تاغقا چىقىپ، ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى يېنىغا چاقىردى. چاقىرىلغانلار ئۇنىڭ يېنىغا كېلىشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن ئون ئىككى كىشىنى ئەلچى دەپ ئاتاپ، ئۇلارنى ئۆزى بىلەن بىللە بولۇش، خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزۈش ۋە جىنلارنى ھەيدەش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن تاللىدى. بۇ ئون ئىككى كىشى: سىمۇن (ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى پېترۇس دەپمۇ ئاتىغان)، زەبەدىينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى يۇھاننا، (ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى «بېنى رەگەش»، يەنى «گۈلدۈرماما ئوغۇللىرى» دەپمۇ ئاتىغان)، ئەندەر، فىلىپ، بارتولوماي، مەتتا، توماس، ھالپاينىڭ ئوغلى ياقۇپ، تاداي، ۋەتەنپەرۋەر دەپ ئاتالغان سىمۇن ۋە ھەزرىتى ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان يەھۇدا ئىشقارىيوتلاردىن ئىبارەت. ھەزرىتى ئەيسا ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ يەرگە يەنە شۇنچە نۇرغۇن خالايىق توپلاندىكى، ھەزرىتى ئەيسا بىلەن شاگىرتلىرىنىڭ غىزالىنىشقىمۇ چولىسى تەگمىدى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇنى ئاڭلاپ، ئۇنى قايتۇرۇپ كەلگىلى بېرىشتى. چۈنكى، ئۇلار ئۇنى «ئەقلىدىن ئېزىپتۇ» دەپ ئويلاشقانىدى. يېرۇسالېمدىن كەلگەن تەۋرات ئۇستازلىرى بولسا: «ئۇنىڭغا شەيتان چاپلىشىۋاپتۇ»، «ئۇ جىنلارنى ئۇلارنىڭ باشلىقى بولغان شەيتانغا تايىنىپ ھەيدەيدىكەن» دېيىشەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەزرىتى ئەيسا تەۋرات ئۇستازلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا تەمسىللەر بىلەن مۇنداق دېدى: - شەيتان شەيتاننى قانداقمۇ قوغلىسۇن؟ ئەگەر بىر دۆلەتتىكىلەر ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ سوقۇشسا، ئۇ دۆلەت پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. بىر ئائىلىدىكىلەر ئۆزئارا جېدەل-ماجىرا قىلىشسا، ئۇ ئائىلە ۋەيران بولۇشتىن ساقلىنالمايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، شەيتانمۇ ئۆز-ئۆزىگە قارشى چىقىپ، ئۆز باشقۇرۇشىدا بولغان جىنلار بىلەن سوقۇشسا، ئۇمۇ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، جەزمەن ھالاك بولىدۇ. ھېچكىم كۈچتۈڭگۈر ئادەمنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭ مېلىنى بۇلاپ كېتەلمەيدۇ. پەقەت شۇ كۈچتۈڭگۈر ئادەمنى باغلىيالىغانلارلا ئۇنىڭ ئۆيىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلالايدۇ. بىلىپ قويۇڭلاركى، ئىنسانلارنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھى ۋە قىلغان كۇپۇرلۇقلىرىنىڭ ھەممىسىنى كەچۈرۈشكە بولىدۇ. لېكىن، مۇقەددەس روھقا كۇپۇرلۇق قىلغان ئادەم ھەرگىز كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئادەم مەڭگۈ كەچۈرۈم قىلىنمايدىغان گۇناھ سادىر قىلغان بولىدۇ. ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى بەزىلەرنىڭ «ئۇنىڭغا جىن چاپلىشىپتۇ» دېگىنىگە قارىتا ئېيتقانىدى. شۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئانىسى بىلەن ئىنىلىرى كەلدى. ئۇلار تاشقىرىدا تۇرۇپ، ئۇنى چاقىرىشقا ئادەم كىرگۈزدى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئەتراپىدا ئولتۇرغان جامائەتتىن بەزىلىرى: - ئانىڭىز، ئىنىلىرىڭىز }ۋە سىڭىللىرىڭىز{ سىزنى سىرتتا چاقىرىۋاتىدۇ، - دېيىشتى. ھەزرىتى ئەيسا بۇنىڭغا جاۋابەن: - كىملەر مېنىڭ ئانام ۋە ئىنىلىرىم؟ - دېدى. ئاندىن، ئۇ چۆرىسىدە ئولتۇرغانلارغا قاراپ مۇنداق دېدى: - مانا بۇلار مېنىڭ ئانام ۋە ئىنىلىرىم! چۈنكى، كىم خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلسا، شۇ مېنىڭ ئاكا-ئىنىم، ئاچا-سىڭلىم ۋە ئانامدۇر. ھەزرىتى ئەيسا يەنە كۆل بويىدا خەلققە تەلىم بېرىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ئەتراپىغا توپلانغان خالايىق ئىنتايىن كۆپ بولغاچقا، ئۇ بىر كېمىگە چىقىپ ئولتۇردى. خالايىق بولسا كۆل بويىدا تۇرۇشاتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا تەمسىل بىلەن نۇرغۇن ھېكمەتلەرنى ئۆگەتتى. ئۇ تەلىمىدە مۇنداق دېدى: - قۇلاق سېلىڭلار! بىر دېھقان ئۇرۇق چاچقىلى ئېتىزىغا چىقىپتۇ. چاچقان ئۇرۇقلىرىنىڭ بەزىلىرى چىغىر يول ئۈستىگە چۈشۈپتۇ، قۇشلار كېلىپ ئۇلارنى يەپ كېتىپتۇ. بەزىلىرى تۇپرىقى كەم تاشلىق يەرلەرگە چۈشۈپتۇ. توپىسى نېپىز بولغانلىقتىن، تېزلا ئۈنۈپ چىقىپتۇ، لېكىن چوڭقۇر يىلتىز تارتمىغاچقا، كۈن چىقىش بىلەنلا سولىشىپ قۇرۇپ كېتىپتۇ. بەزىلىرى تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چۈشۈپتۇ، تىكەنلەر ئۆسۈپ مايسىلارنى بېسىۋاپتۇ. نەتىجىدە، مايسىلار ھوسۇل بېرەلمەپتۇ. بەزىلىرى بولسا مۇنبەت تۇپراققا چۈشۈپتۇ. ئۇلار ئۈنۈپ چىققاندىن كېيىن، ئۆسۈپ چوڭ بولۇپ، ياخشى ھوسۇل بېرىپتۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئوتتۇز، بەزىلىرى ئاتمىش، يەنە بەزىلىرى بولسا يۈز ھەسسە ھوسۇل بېرىپتۇ. ھەزرىتى ئەيسا يەنە مۇنداق دېدى: - بۇ سۆزلەرنى قۇلىقىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار! خالايىق كەتكەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئون ئىككى شاگىرتى بىلەن ئەگەشكۈچىلىرى ئۇنىڭدىن تەمسىللەرنىڭ مەنىسىنى سوراشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ سىرى سىلەرنىڭ بىلىشىڭلارغا بېرىلدى. لېكىن، پادىشاھلىقنىڭ سىرتىدىكىلەرگە ھەممە ئىش تەمسىللەر بىلەن ئۇقتۇرۇلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، خۇدانىڭ مۇنۇ سۆزلىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: «قىلغانلىرىمغا قارايدۇ، قارايدۇ، مەنىسىنى ئۇقمايدۇ. سۆزلىرىمنى ئاڭلايدۇ، ئاڭلايدۇ، چۈشەنمەيدۇ. ئۇنداق بولمىسىدى، ماڭا قايتاتتى، مەنمۇ ئۇلارنى كەچۈرۈم قىلاتتىم.» ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - سىلەر مۇشۇ تەمسىلنىمۇ چۈشەنمىدىڭلارمۇ؟ ئۇنداقتا، باشقا تەمسىللەرنى قانداقمۇ چۈشىنىسىلەر؟ دېھقان چاچقان ئۇرۇق خۇدانىڭ سۆزىدۇر. چىغىر يولغا چۈشكەن ئۇرۇقلار مۇنداق ئادەملەرگە تەمسىل قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان ھامان شەيتان كېلىپ ئۇلارنىڭ قەلبىگە چۈشكەن سۆزنى ئېلىپ كېتىدۇ. تۇپرىقى كەم تاشلىق يەرلەرگە چۈشكەن ئۇرۇقلار مۇنداق كىشىلەرگە تەمسىل قىلىنغان. ئۇلار خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان ھامان خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ. ھالبۇكى، خۇدانىڭ سۆزى ئۇلاردا يىلتىز تارتمىغاچقا، ئۇلار ئۇزۇنغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. خۇدانىڭ سۆزىگە ئىشەنگەنلىكىدىن قىيىنچىلىق ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىسا، دەرھال خۇدا يولىدىن چەتنەپ كېتىدۇ. يەنە بەزى كىشىلەر بولسا تىكەنلىككە چۈشكەن ئۇرۇقلارغا تەمسىل قىلىنغان. ئۇنداق كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە بۇ دۇنيانىڭ ئەندىشىلىرى، بايلىقنىڭ ئېزىقتۇرۇشى ۋە باشقا نەرسىلەرگە بولغان ھەۋەسلەر كىرىۋېلىپ، خۇدانىڭ سۆزىنى بوغۇۋېتىدۇ-دە، ئۇلار ھوسۇلسىز قالىدۇ. يەنە بەزى كىشىلەر مۇنبەت تۇپراققا چۈشكەن ئۇرۇقلارغا تەمسىل قىلىنغان. ئۇلار خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، قوبۇل قىلىدۇ. خۇدانىڭ سۆزى ئۇلاردا ئوتتۇز، ئاتمىش، ھەتتا يۈز ھەسسە ھوسۇل بېرىدۇ. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى: - كىم چىراغنى يېقىپ، ئۇنى داس ياكى كارىۋات ئاستىغا يوشۇرۇپ قويىدۇ؟ ئۇ ئەلۋەتتە چىراغنى چىراغدان ئۈستىگە قويمامدۇ؟ ھەرقانداق مەخپىي ئىش ئاشكارىلانماي قالمايدۇ؛ يوشۇرۇن تۇتۇلغان ھەرقانداق ئىش پاش بولماي قالمايدۇ. بۇ سۆزلەرنى قۇلىقىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار! ئاڭلىغانلىرىڭلارغا زېھىن قويۇڭلار! سىلەر قانچىكى كۆپ زېھىن قويساڭلار، سىلەرگە شۇنچە كۆپ چۈشەنچە بېرىلىدۇ، ھەتتا يېتىپ ئاشقۇدەكمۇ بېرىلىدۇ. چۈنكى، كىمدە ئەقىل-پاراسەت بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ. لېكىن، كىمدە ئەقىل-پاراسەت بولمىسا، ئۇنىڭدا بار بولغىنىمۇ ئېلىپ كېتىلىدۇ. كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - خۇدانىڭ پادىشاھلىقى يەنە بۇنىڭغا ئوخشايدۇ: دېھقان تۇپراققا ئۇرۇق چاچىدۇ. ئۇ كېچىسى ئۇخلايدۇ، كۈندۈزى تۇرىدۇ. ئۇرۇق ئۈنۈپ يېتىشىدۇ. لېكىن، ئۇ دېھقان قانداقسىگە بۇنداق بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ. تۇپراق تەبىئىي ھالدا ھوسۇل بېرىدۇ. ئۇرۇق ئاۋۋال ئۈنىدۇ، كېيىن باش چىقىرىدۇ، ئاخىردا باشاقلار تولۇق دان تۇتىدۇ. دان پىشىپ يېتىلگەندە، ئۇ دېھقان دەرھال ئورغاق سالىدۇ، چۈنكى ھوسۇل يىغىش ۋاقتى كەلگەن بولىدۇ. ھەزرىتى ئەيسا يەنە مۇنداق دېدى: - خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى نېمىگە ئوخشىتاي؟ قانداق بىر تەمسىل بىلەن سۈرەتلەپ بېرەي؟ ئۇ گويا بىر تال قىچا ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ. قىچا ئۇرۇقى پۈتۈن ئۇرۇقلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كىچىك بولسىمۇ، تېرىلغاندىن كېيىن، ھەرقانداق زىرائەتتىن ئېگىز ئۆسۈپ شۇنداق شاخلايدۇكى، قۇشلارمۇ ئۇنىڭ سايىسىدە ئۇۋۇلايدۇ. ھەزرىتى ئەيسا خۇدانىڭ سۆزىنى بۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن تەمسىللەر بىلەن جامائەت چۈشىنەلىگۈدەك قىلىپ چۈشەندۈرەتتى. تەمسىل كەلتۈرمەي تۇرۇپ ھېچقانداق تەلىم بەرمەيتتى. ئۆز شاگىرتلىرى بىلەن يالغۇز قالغىنىدا، ئۇلارغا ھەممىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى. ئۇ كۈنى كەچقۇرۇن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا: - كۆلنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتەيلى، - دېدى. شاگىرتلار خالايىقتىن ئايرىلىپ، ھەزرىتى ئەيسا ئولتۇرغان كېمىگە چۈشۈپ، ئۇنى ئېلىپ يۈرۈپ كېتىشتى. ئۇلار بىلەن بىللە ماڭغان باشقا كېمىلەرمۇ بار ئىدى. قاتتىق بوران چىقىپ، دولقۇنلار شۇنداق ئۇردىكى، كېمىگە سۇ توشاي دەپ قالغانىدى. ھەزرىتى ئەيسا كېمىنىڭ ئاياغ تەرىپىدە ياستۇققا باش قويۇپ ئۇيقۇغا كەتكەنىدى. شاگىرتلار ئۇنى ئويغىتىپ: - ئۇستاز، بىز غەرق بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتساق، كارىڭىز يوقمۇ؟ - دېيىشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ بورانغا بۇيرۇق قىلدى ۋە دولقۇنلارغا: «توختا! تىنچلان!» دېدى. بۇنىڭ بىلەن، بوران توختاپ، دولقۇن پەسلەپ، ھەممىسى تىنچىدى. ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا: - نېمانچە قورقىسىلەر! تېخىچە ئىشەنچىڭلار يوقمۇ؟ - دېدى. ئۇلار بولسا قاتتىق قورقۇنچ ئىچىدە بىر-بىرىگە: - بۇ ئادەم زادى كىمدۇ؟ ھەتتا بوران ۋە دولقۇنلارمۇ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىكەن-ھە! - دەپ كېتىشتى. ئۇلار كۆلنىڭ ئۇ قېتىدىكى گېراسالىقلار تۇرىدىغان يەرگە باردى. ھەزرىتى ئەيسا كېمىدىن چۈشۈشى بىلەنلا، جىن چاپلاشقان بىر ئادەم گۆر قىلىنىدىغان ئۆڭكۈرلەرنىڭ بىرىدىن چىقىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈردى. ئۇ ئادەم ئۆڭكۈرلەرنى ماكان تۇتقان بولۇپ، ھېچكىم ئۇنى ھەتتا زەنجىر بىلەنمۇ باغلاپ قويالمايتتى. بىرنەچچە قېتىم قوللىرى زەنجىرلىنىپ، پۇتلىرىغا كىشەنلەر سېلىنغان بولسىمۇ، زەنجىرلەرنى ئۈزۈپ، كىشەنلەرنى چېقىۋەتكەنىدى. ھېچكىم ئۇنى بويسۇندۇرالمىغانىدى. كېچە-كۈندۈز مازارلىق ۋە دالالاردا ۋارقىراپ-جارقىراپ يۈرەتتى. ئۆز-ئۆزىنى تاش بىلەن ئۇرۇپ يارىلاندۇراتتى. ئۇ ھەزرىتى ئەيسانى يىراقتىن كۆرۈپ، يۈگۈرگەن پېتى ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، يەرگە باش قويدى ۋە قاتتىق ۋارقىراپ: - ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا، ئىشىمغا ئارىلاشما! خۇدا ئالدىدا سەندىن ئۆتۈنۈپ سورايمەنكى، مېنى قىينىما! - دېدى. سەۋەبى، ھەزرىتى ئەيسا: «ھەي جىن، بۇ ئادەمنىڭ تېنىدىن چىق!» دەپ بۇيرۇغانىدى. ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا بۇ ئادەمدىن: - ئىسمىڭ نېمە؟ - دەپ سورىدى. - ئىسمىم «مىڭلىغان»، چۈنكى سانىمىز كۆپ، - دەپ جاۋاب بەردى بۇ ئادەمنى سۆزلىتىۋاتقان جىن ۋە ھەزرىتى ئەيسادىن ئۆزلىرىنى ئۇ زېمىندىن چىقىرىۋەتمەسلىكنى تەلەپ قىلىپ، كۆپ ئۆتۈنۈپ يالۋۇردى. شۇ ئەتراپتىكى تاغ باغرىدا چوڭ بىر توپ توڭگۇز پادىسى ئوزۇقلىنىپ يۈرەتتى. جىنلار ھەزرىتى ئەيساغا: - بىزنى مۇشۇ توڭگۇز پادىسىغا ھەيدىۋەتكىن، ئۇلارنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىشكە ئىجازەت بەرگىن، - دەپ يالۋۇرۇشتى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىجازىتى بىلەن جىنلار چىقىپ، توڭگۇزلارنىڭ تېنىگە كىرىپ كەتتى. ئىككى مىڭغا يېقىن توڭگۇز پاتىپاراق بولۇپ، يۈگۈرگەن پېتى تىك ياردىن چۈشۈپ، كۆلگە غەرق بولدى. توڭگۇز باققۇچىلار ئۇ يەردىن قېچىپ، شەھەر-يېزىلاردا بۇ خەۋەرنى تارقاتتى. خالايىقمۇ ئەھۋالنى كۆرگىلى چىقىشتى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا كەلگىنىدە، ئىلگىرى مىڭلىغان جىنلارغا ئەسىر بولغان ھېلىقى ئادەمنىڭ كىيىملىرىنى كىيىپ، ئەس-ھوشى جايىدا ھالدا ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ، قورقۇپ كېتىشتى. بۇ مۆجىزىنى كۆرگەنلەر جىن چاپلاشقان ئادەمنىڭ قۇتقۇزۇلغانلىقى ۋە توڭگۇزلارنىڭ ئاقىۋىتىنى خالايىققا سۆزلەپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن، خەلق ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزلىرىنىڭ زېمىنىدىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى. ھەزرىتى ئەيسا كېمىگە چىقىۋاتقاندا، ئىلگىرى جىن چاپلاشقان ھېلىقى ئادەم ئۇنىڭغا: - مەنمۇ سىز بىلەن بىللە كېتەي، - دەپ يالۋۇردى. لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا رۇخسەت قىلماي: - ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارغا رەببىڭنىڭ ساڭا نەقەدەر چوڭ ئىشلارنى قىلىپ بەرگەنلىكىنى ۋە قانچىلىك مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكىنى يەتكۈزگىن، - دېدى. ئۇ ئادەم قايتىپ بېرىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىگە قىلىپ بەرگەن چوڭ ئىشلارنى ئون شەھەر رايونىدا تارقىتىشقا باشلىدى. بۇنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى ھەيران قېلىشتى. ھەزرىتى ئەيسا كېمە بىلەن كۆلنىڭ ئۇ قېتىغا قايتقىنىدا، نۇرغۇن خالايىق كۆل بويىدا يەنە ئۇنىڭ يېنىغا يىغىلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇ ئادەم بىلەن بىللە باردى. ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋالغان خالايىقمۇ كەينىدىن ئەگىشىپ مېڭىشتى. توپنىڭ ئىچىدە خۇن تەۋرەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا ئون ئىككى يىل بولغان بىر ئايال بار ئىدى. ئۇ نۇرغۇن تېۋىپلارنىڭ قولىدا كۆپ ئازاب چېكىپ، بار-يوقىنى سەرپ قىلغان بولسىمۇ، كېسىلى ياخشىلانماق تۈگۈل، تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەنىدى. بۇ ئايالمۇ ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدىكى گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلىغانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، خالايىقنىڭ ئارىسىدىن قىستىلىپ كېلىپ، ئارقا تەرەپتىن ئۇنىڭ چاپىنىنى سىلاپ قويدى. چۈنكى، ئۇ ئىچىدە «ھەزرىتى ئەيسانىڭ چاپىنىنى تۇتساملا، چوقۇم ساقىيىپ كېتىمەن» دەپ ئويلىغانىدى. خۇن شۇئان توختاپ، ئايال ئۆزىنىڭ كېسەل ئازابىدىن قۇتۇلغانلىقىنى ھېس قىلدى. دەل شۇ ۋاقىتتا، ھەزرىتى ئەيسا ۋۇجۇدىدىن قۇدرىتىنىڭ چىققانلىقىنى سەزدى. ئۇ خالايىقنىڭ ئىچىدە كەينىگە بۇرۇلۇپ: - كىيىمىمنى تۇتقان كىم؟ - دەپ سورىدى. شاگىرتلىرى ئۇنىڭغا: - ئۆپچۆرىڭىزدىكى خالايىقنىڭ قىستاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇقلۇق، يەنە: «مېنى تۇتقان كىم؟» دەپ سورايسىزغۇ؟ - دېيىشتى. بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنى تۇتقان كىشىنى تېپىش ئۈچۈن داۋاملىق ئەتراپىغا قارىدى. ئۆزىدە نېمە ئەھۋالنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى سەزگەن ئايالمۇ قورققىنىدىن تىترىگەن ھالدا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئايىغىغا يىقىلدى ۋە ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - قىزىم، ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى! تىنچ-ئامان قايت. داۋاملىق سالامەت بول، - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزنى قىلىۋاتقاندا، ئىبادەتخانا مەسئۇلىنىڭ ئۆيىدىن كىشىلەر كېلىپ، ئىبادەتخانا مەسئۇلى يائىرغا: - قىزىڭىز جان ئۈزدى. ئەمدى ئۇستازنى ئاۋارە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقمىكىن، - دېيىشتى. ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرگە قارىماي، ئىبادەتخانا مەسئۇلىغا: - قورقمىغىن! ئىشەنچىڭ بولسۇن، - دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا پېترۇس، ياقۇپ ۋە ياقۇپنىڭ ئىنىسى يۇھاننانى ئېلىپ يولغا چىقتى. ئۇلاردىن باشقا ھېچكىمنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە بېرىشىغا رۇخسەت قىلمىدى. ئۇلار ئىبادەتخانا مەسئۇلىنىڭ ئۆيى ئالدىغا كەلگەندە، ھەزرىتى ئەيسا قاتتىق دەرد-پەرياد كۆتۈرگەن كىشىلەر توپىنى كۆردى. ھەزرىتى ئەيسا ئۆيگە كىرىپ ئۇلارغا: - نېمىشقا دەرد-پەرياد كۆتۈرۈپ يىغلايسىلەر؟ بالا ئۆلمىدى، ئۇخلاپ قاپتۇ، - دېدى. بىراق، ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى مەسخىرە قىلىشتى. ھەزرىتى ئەيسا ھەممەيلەننى تاشقىرىغا چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ۋە بىللە كەلگەن شاگىرتلىرىنى ئېلىپ، بالا بار ئۆيگە كىردى. ئۇ بالىنىڭ قولىدىن تارتىپ، ئۇنىڭغا: «تالىتا كۇمى» دېدى. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «قىزىم ساڭا ئېيتىمەنكى، ئورنۇڭدىن تۇر» دېگەنلىك ئىدى. ئون ئىككى ياشلىق بۇ قىز شۇئان ئورنىدىن تۇرۇپ، مېڭىشقا باشلىدى. ئۇ يەردىكىلەر بۇ ئىشقا ئىنتايىن ھەيران بولۇشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنماسلىقنى قاتتىق تاپىلىدى ۋە ئۇلارغا قىزنىڭ قورسىقىغا بىرنەرسە بېرىشنى بۇيرۇدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، ئۆز يۇرتىغا قايتتى. شاگىرتلىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى. دەم ئېلىش كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا ئىبادەتخانىدا تەلىم بېرىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان جامائەت ھەيران بولۇشۇپ: - بۇ ئادەم بۇلارنى نەدىن ئۆگەنگەندۇ؟ ئۇنىڭغا بۇنچىۋالا ئەقىل-پاراسەتنى كىم بەرگەندۇ؟ بۇ مۆجىزىلەرنى قانداق يارىتىدىغاندۇ؟ ئۇ پەقەت ئاددىي بىر ياغاچچىغۇ؟ مەريەم ئۇنىڭ ئانىسى، ياقۇپ، يوسە، يەھۇدا ۋە سىمۇن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ئەمەسمۇ؟ سىڭىللىرى بۇ يەردە ئۆز ئىچىمىزدىغۇ؟ - دېيىشەتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۇنى رەت قىلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - پەيغەمبەر ئۆز يۇرتى، ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارىسىدا ۋە ئۆز ئۆيىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولمايدۇ، - دېدى. شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردە بىرقانچە بىمارنى ئۇلارنىڭ ئۇچىسىغا قوللىرىنى تەگكۈزۈپ ساقايتقاندىن باشقا، ھېچقانداق مۆجىزە كۆرسىتىشنى توغرا تاپمىدى. ئۇ بۇ كىشىلەرنىڭ ئېتىقادسىزلىقىدىن ھەيران قالدى. كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ئەتراپتىكى يېزا-كەنتلەرنى ئايلىنىپ تەلىم بېرىۋاتاتتى. ئۇ ئون ئىككى شاگىرتىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا جىنلارنى ھەيدەش ھوقۇقىنى بەردى ۋە خەلق ئارىسىغا ئىككى-ئىككىدىن ئەۋەتتى. ھەم ئۇلارغا سەپەردە يېنىغا ھاسىدىن باشقا نەرسە ئېلىۋالماسلىق، نە نان، نە خۇرجۇن كۆتۈرمەسلىك، پۇلمۇ سېلىۋالماسلىقنى ئېيتتى. پۇتىغا ئاياغ كىيىشكە ئىجازەت بەردى، بىراق بىرەر ئارتۇق كۆڭلەك ئېلىۋالماسلىقنى بۇيرۇدى. ئۇ يەنە: - بىر يۇرتقا بارغىنىڭلاردا، قايسى ئائىلىدە قارشى ئېلىنساڭلار، ئۇ يەردىن كەتكۈچە شۇ ئائىلىدىلا تۇرۇڭلار. ئەگەر بىرەر يەردىكى كىشىلەر سىلەرنى قارشى ئالمىسا ۋە سۆزۈڭلارنى ئاڭلىمىسا، ئۇ يەردىن ئايرىلغىنىڭلاردا، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئايىغىڭلاردىكى توپىنى قېقىۋېتىڭلار! - دېدى. شۇنداق قىلىپ، شاگىرتلار يولغا چىقىپ، كىشىلەرنى گۇناھلىرىغا توۋا قىلىشقا ئۈندىدى. ئۇلار نۇرغۇن جىنلارنى ھەيدىدى، نۇرغۇن بىمارلارغا زەيتۇن يېغىنى سۈركەپ ساقايتتى. ھىرود خان ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدىكى ھەممە ئىشلاردىن خەۋەر تاپتى، چۈنكى ھەزرىتى ئەيسانىڭ داڭقى ھەممە يەرگە پۇر كەتكەنىدى. بەزىلەر: «بۇ ئادەم ئۆلۈمدىن تىرىلگەن چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا بولسا كېرەك. ئۇنىڭ پەۋقۇلئاددە قۇدرەتلەرگە ئىگە بولغانلىقىنىڭ سەۋەبى ئەنە شۇ» دېيىشەتتى. بەزىلەر: «ئۇ ئىلياس پەيغەمبەر» دېسە، يەنە بەزىلەر: «بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەردەك بىر پەيغەمبەر بولسا كېرەك» دېيىشەتتى. بۇلارنى ئاڭلىغان ھىرود خان: - مەن كاللىسىنى ئالدۇرغان يەھيا تىرىلىپتۇ! - دېدى. ھىرودىيە شۇ ۋەجىدىن يەھيا پەيغەمبەرگە ئۆچمەنلىك ساقلاپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلگە ئاشۇرالمىغانىدى. چۈنكى، يەھيا پەيغەمبەرنىڭ دۇرۇس ۋە خۇداغا ئاتالغان بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ھىرود خان ئۇنىڭدىن قورقاتتى ۋە ئۇنى مۇھاپىزەت قىلاتتى. ھىرود يەھيا پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان چاغلىرىدا نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالاتتى. بىراق، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى يەنىلا قىزىقىپ ئاڭلايتتى. ھىرودىيە كۈتكەن پۇرسەت ئاخىر يېتىپ كەلدى. ھىرود ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن كاتتا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، قول ئاستىدىكى ئەمەلدارلار، قوماندانلار ۋە جەلىلىيە ئۆلكىسىدىكى يۇرت كاتتىلىرىنى كۈتۈۋالدى. ھىرودىيەنىڭ بۇرۇنقى ئېرىدىن بولغان قىزى كىرىپ ئۇسسۇل ئويناپ بەردى. بۇ ھىرود بىلەن مېھمانلارغا بەكمۇ يېقىپ كەتتى. ھىرود خان قىزغا: - مەندىن نېمە تەلەپ قىلسىڭىز، شۇنى بېرىمەن، - دېدى. ئارقىدىنلا ئۇ قەسەم قىلىپ يەنە: - مەندىن نېمە تەلەپ قىلسىڭىز، ھەتتا خانلىقىمنىڭ يېرىمىنى دېسىڭىزمۇ مەرھەمەت، - دېدى. قىز تاشقىرىغا چىقىپ، ئانىسىدىن: - نېمە تەلەپ قىلاي؟ - دەپ سورىدى. - چۆ ۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ كاللىسىنى تەلەپ قىل، - دېدى ئانىسى. قىز شۇئان ھىرود خاننىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ: - چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ كاللىسىنى دەرھال بىر تەخسىگە قويۇپ كەلتۈرۈشىڭىزنى تەلەپ قىلىمەن، - دېدى. ھىرود خان بۇنىڭغا ناھايىتى ئوڭايسىزلانغان بولسىمۇ، مېھمانلارنىڭ ئالدىدا قىلغان قەسىمى تۈپەيلىدىن، قىزنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىشنى راۋا كۆرمىدى. ئۇ دەرھال بىر جاللات ئەۋەتىپ، يەھيا پەيغەمبەرنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ كېلىشنى بۇيرۇدى. جاللات زىندانغا بېرىپ يەھيا پەيغەمبەرنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، ئۇنى بىر تەخسىگە قويۇپ، قىزنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. قىز ئۇنى ئانىسىغا تاپشۇردى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى كېلىپ، جەسەتنى ئېلىپ بېرىپ يەرلىككە قويدى. يېزا-قىشلاقلارغا ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر قايتىپ كېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا يىغىلدى ۋە قىلغان ئىشلىرى ھەم بەرگەن تەلىملىرىنى ئۇنىڭغا مەلۇم قىلىشتى. كېلىپ-كېتىۋاتقانلار ناھايىتى كۆپ بولغانلىقتىن، ھەزرىتى ئەيسا ۋە شاگىرتلارغا غىزالىنىشقىمۇ ۋاقىت چىقمىدى. شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - يۈرۈڭلار، مەن بىلەن خىلۋەت بىر جايغا بېرىپ، بىر دەم ئارام ئېلىڭلار، - دېدى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار كېمىگە چۈشۈپ، خىلۋەت بىر يەرگە قاراپ يول ئالدى. بىراق، ئۇلارنىڭ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بىرمۇنچە كىشىلەر ئۇلارنى تونۇۋالغانىدى. خالايىق ئەتراپتىكى پۈتۈن يېزىلاردىن بەس-بەس بىلەن پىيادە يولغا چىقىپ، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۇ يەرگە يېتىپ بېرىشتى. ھەزرىتى ئەيسا كېمىدىن چۈشۈپ، نۇرغۇن خالايىقنى كۆردى. قويچىسىز قوي پادىسىغا ئوخشايدىغان بۇ ئىنسانلارغا ئىچ ئاغرىتتى ۋە ئۇلارغا كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىتىشكە باشلىدى. ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپ قالغانىدى. شاگىرتلىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: - بۇ خىلۋەت بىر جاي ئىكەن، كەچ كىرىپ كەتتى. خالايىقنى تارقىتىۋەتكەن بولسىڭىز، ئۇلار ئەتراپتىكى يېزا-قىشلاقلارغا بېرىپ، ئۆزلىرىگە يەيدىغان بىر نەرسە سېتىۋالسۇن، - دېدى. لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا: - ئۇلارغا ئۆزۈڭلار تاماق بېرىڭلار، - دېدى. شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيسادىن: - يېرىم يىللىق كىرىمنى خەجلەپ، ئۇلارغا نان ئەكېلىپ ئۈلەشتۈرۈپ بېرەمدۇق؟ - دەپ سورىدى. - قانچە نېنىڭلار بار؟ قاراپ بېقىڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا. ئۇلار تەكشۈرۈپ كەلگەندىن كېيىن: - بىزدە بەش نان بىلەن ئىككى بېلىق بار ئىكەن، - دېيىشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا خالايىقنى توپ-توپ قىلىپ يېشىل چىملىقتا ئولتۇرغۇزۇشنى بۇيرۇدى. خالايىق يۈزدىن، ئەللىكتىن بولۇپ ئولتۇرۇشتى. ھەزرىتى ئەيسا بەش نان بىلەن ئىككى بېلىقنى قولىغا ئېلىپ، ئاسمانغا قاراپ خۇداغا شۈكۈر ئېيتتى. ئاندىن، نانلارنى ئوشتۇپ، كۆپچىلىككە تارقىتىپ بېرىش ئۈچۈن شاگىرتلىرىغا بەردى. ئىككى بېلىقنىمۇ شۇنداق قىلدى. ھەممەيلەن يەپ تويدى. شاگىرتلار ئېشىپ قالغان نان ۋە بېلىق پارچىلىرىنى لىق ئون ئىككى سېۋەتكە يىغىۋالدى. تاماق يېگەن ئەرلەرنىڭ سانىلا بەش مىڭ ئىدى. بۇنىڭ كەينىدىنلا، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىنىڭ كېمىگە ئولتۇرۇپ، ئۆزىدىن ئاۋۋال كۆلنىڭ ئۇ قېتىدىكى بەيتسايدا يېزىسىغا ئۆتۈشىنى بۇيرۇدى. بۇ ئارىدا ئۆزى خالايىقنى تارقىتىۋەتتى. ئۇلارنى ئۇزاتقاندىن كېيىن، دۇئا-تىلاۋەت قىلىش ئۈچۈن تاغقا چىقتى. كەچقۇرۇن، كېمە كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىغا بارغانىدى. قۇرۇقلۇقتا ئۆزى يالغۇز قالغان ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىنىڭ پالاقنى ناھايىتى تەستە ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردى، چۈنكى قارشى تەرەپتىن شامال چىقىۋاتاتتى. تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغاندا، ھەزرىتى ئەيسا كۆلنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ، شاگىرتلىرى تەرەپكە كەلدى ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كەتمەكچى بولدى. شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ كۆلنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئالۋاستى، دەپ ئويلاپ ۋارقىرىشىپ كەتتى. ھەممەيلەن ئۇنى كۆرۈپ ئىنتايىن ئالاقزادە بولۇشقانىدى. لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا دەرھال ئۇلارغا: - خاتىرجەم بولۇڭلار، بۇ مەن، قورقماڭلار! - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا كېمىگە چىقىپ ئۇلارغا قوشۇلغاندا، شامال توختىدى. شاگىرتلار بۇنىڭدىن ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى. چۈنكى، ئۇلار نان توغرىسىدىكى مۆجىزىنى تېخىچە چۈشەنمىگەنىدى، ئۇلارنىڭ ئەقلى بولسا بىخۇدلىشىپ كەتكەنىدى. ھەزرىتى ئەيسا بىلەن شاگىرتلىرى كۆلنىڭ قارشى قېتىغا بېرىشىدا، گىنەسار دېگەن يەردە قۇرۇقلۇققا چىقىپ كېمىنى باغلىدى. ئۇلار كېمىدىن چۈشۈشى بىلەنلا، خەلق ھەزرىتى ئەيسانى تونۇۋالدى. ئۇلار يۈگۈرۈشۈپ يۈرۈپ، بۇ خەۋەرنى ئەتراپتىكى جايلارغا يەتكۈزدى. ھەزرىتى ئەيسا قەيەردە بولسا، كىشىلەر بىمارلارنى زەمبىلگە سېلىپ، شۇ يەرگە ئېلىپ بېرىشتى. ھەزرىتى ئەيسا مەيلى يېزا، مەيلى شەھەر ياكى قىشلاققا بارسۇن، خالايىق بىمارلارنى ئاساسلىق كوچىلارغا ئېلىپ چىقىپ ياتقۇزۇپ، ھەزرىتى ئەيسادىن بىمارلارنىڭ ھېچبولمىغاندا ئۇنىڭ تونىنىڭ پېشىگە بولسىمۇ قولىنى تەگكۈزۈۋېلىشىغا رۇخسەت قىلىشىنى سوراپ يالۋۇراتتى. ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزگەنلەرنىڭ ھەممىسى ساقايدى. بىر كۈنى، يېرۇسالېمدىن كەلگەن بەزى پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ چۆرىسىگە يىغىلدى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى ئىچىدە بەزىلىرىنىڭ تاماقتىن بۇرۇن قول يۇيۇش دىنىي قائىدىسىنى ئادا قىلمايلا تاماق يەۋاتقانلىقىنى كۆردى. (پەرىسىيلەر، جۈملىدىن پۈتۈن يەھۇدىيلار ئەجدادلىرىنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە قوللىرىنى پاكىز يۇماي تۇرۇپ تاماق يېمەيدۇ. شۇنىڭدەك، بازاردىن ئالغان نەرسىلەرنىمۇ يۇماي يېمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قەدەھ، چۆگۈن ۋە مىس قاچىلارنى يۇيۇش توغرىسىدىمۇ بىرمۇنچە ئەنئەنىلەرگە رىئايە قىلىدۇ.) پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ھەزرىتى ئەيسادىن: - شاگىرتلىرىڭ نېمىشقا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىلىرىگە رىئايە قىلمايدۇ؟ نېمىشقا ناپاك قوللىرى بىلەن تاماق يەيدۇ؟ - دەپ سوراشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: - خۇدا يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقان مۇنۇ سۆزلەر سىلەر ساختىپەزلەرگە نېمىدېگەن ماس كېلىدۇ-ھە؟! ئۇنىڭ يازمىسىدا مۇنداق يېزىلغان: «بۇ خەلق مېنى ئاغزىدىلا ھۆرمەتلەيدۇ، لېكىن قەلبى مەندىن يىراق. ماڭا قىلغان ئىبادىتى بىھۇدىدۇر. چۈنكى، ئۆگەتكەنلىرى خۇدانىڭ ئەمرلىرى ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرى چىقىرىۋالغان پەتىۋالاردۇر.» سىلەر خۇدانىڭ ئەمرىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئەنئەنىسىگە ئېسىلىۋالىدىكەنسىلەر. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى: - ئۆز ئەنئەنەڭلارنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئەمرلىرىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇشتا نېمانچە ئۇستىلىق قىلىسىلەر! مۇسا پەيغەمبەر: «ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» ۋە «ئاتىسى ياكى ئانىسىنى ھاقارەتلىگەنلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلسۇن» دەپ بۇيرۇغان. لېكىن، سىلەر: «ئاتا-ئانىسىغا: ˜مەندىن ئالىدىغان پۈتۈن ماددىي ياردىمىڭلارنى قۇربان قىلدىم، يەنى خۇداغا ئاتىۋەتتىمŒ دېسە، ئۇ ئادەم ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىسىمۇ بولىدۇ» دەپ ئۆگىتىسىلەر. شۇنداق قىلىپ، ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئەنئەنىلىرىڭلارنى دەپ خۇدانىڭ ئەمرىنى يوققا چىقىرىسىلەر. سىلەر بۇنداق ئىشلارنى كۆپ قىلىسىلەر. ھەزرىتى ئەيسا خالايىقنى يەنە يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا: - ھەممىڭلار سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار ۋە شۇنى چۈشىنىڭلاركى، ئىنساننىڭ سىرتىدىن ئىچىگە كىرىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھېچقاندىقى ئۇنى ناپاك قىلمايدۇ، ئىنساننى ناپاك قىلىدىغىنى ئىنساننىڭ ئىچىدىن چىقىدىغىنىدۇر. } بۇ سۆزلەرنى قۇلىقىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار!{ - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا خالايىقتىن ئايرىلىپ ئۆيگە كىرگەندە، شاگىرتلىرى ئۇنىڭدىن بۇ تەمسىلنىڭ مەنىسىنى سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - سىلەرمۇ تېخىچە چۈشەنمەيۋاتامسىلەر؟ سىرتتىن ئىنساننىڭ ئىچىگە كىرىدىغان ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئۇنى ناپاك قىلالمايدىغانلىقىنى چۈشەنمەمسىلەر؟ سىرتتىن كىرگەن نەرسە ئىنساننىڭ قەلبىگە ئەمەس، ئاشقازىنىغا بارىدۇ. ئۇ يەردىن تەرەت بولۇپ چىقىپ كېتىدۇ، - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەر ئارقىلىق، يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ھالال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى. ھەزرىتى ئەيسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: - ئىنساننى ناپاك قىلىدىغىنى ئىنساننىڭ ئىچىدىن چىقىدىغىنىدۇر. چۈنكى، يامان نىيەت، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ئوغرىلىق، قاتىللىق، زىناخورلۇق، ئاچكۆزلۈك، يامانلىق، ھىيلىگەرلىك، شەھۋانىيلىق، ھەسەتخورلۇق، تۆھمەتخورلۇق، تەكەببۇرلۇق ۋە ھاماقەتلىكلەر ئىنساننىڭ ئىچىدىن، يەنى قەلبىدىن چىقىدۇ. بۇ يامانلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىنساننىڭ ئىچىدىن چىقىپ، ئىنساننى ناپاك قىلىدۇ. ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن ئايرىلىپ تىر شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارغا باردى. ئۇ يەردە بىر ئۆيگە كىردى. ئەسلىدە ئۇ بۇنى ھېچكىمنىڭ بىلىشىنى خالىمىغان بولسىمۇ، لېكىن يوشۇرالمىدى. جىن تەگكەن كىچىككىنە بىر قىزنىڭ ئانىسى ھەزرىتى ئەيسا توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغان ھامان يېتىپ كېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئايىغىغا يىقىلدى. سۇرىيە ئۆلكىسىنىڭ فەنىكىيە دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان يەھۇدىي ئەمەس بۇ ئايال ھەزرىتى ئەيسادىن قىزىدىكى جىننى ھەيدىۋېتىشنى ئۆتۈندى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ئالدى بىلەن بالىلار يەپ تويسۇن، بالىلارنىڭ نېنىنى ئىتلارغا تاشلاپ بېرىش توغرا ئەمەس، - دېدى. ھېلىقى ئايال بۇنىڭغا جاۋابەن: - شۇنداق، تەقسىر، بىراق ئىتلارمۇ ئۈستەل ئاستىدا بالىلاردىن چۈشكەن نان ئۇۋاقلىرىنى يەيدىغۇ، - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - توغرا ئېيتتىڭ. مۇشۇ سۆزۈڭ ئۈچۈن جىن قىزىڭدىن چىقىپ كەتتى، ئەمدى قايتقىن، - دېدى. ئايال ئۆيىگە قايتقىنىدا، قىزىنىڭ كارىۋاتتا ياتقانلىقىنى كۆردى. جىن ئۇنىڭ تېنىدىن چىقىپ كەتكەنىدى. ھەزرىتى ئەيسا تىر شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردىن چىقىپ، سىدون شەھىرى ۋە ئون شەھەر رايونىدىن ئۆتۈپ، يەنە جەلىلىيە كۆلىگە كەلدى. كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا گاس ھەم تىلى ئېغىر بىر ئادەمنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئۇچىسىغا قولىنى تەگكۈزۈپ ساقايتىپ قويۇشنى تەلەپ قىلىشتى. ھەزرىتى ئەيسا بۇ ئادەمنى خالايىق ئىچىدىن بىر چەتكە تارتىپ، ئۇنىڭ قۇلاقلىرىغا بارماقلىرىنى تىقتى ۋە بارمىقىغا تۈكۈرۈپ، ئۇنىڭ تىلىغا تەگكۈزدى. ئاندىن، ئاسمانغا قاراپ چوڭقۇر تىنىۋالغاندىن كېيىن، ئۇ ئادەمگە: «ئەففاتا» (مەنىسى «ئېچىل») دېدى. ئۇ ئادەمنىڭ قۇلاقلىرى شۇئان ئېچىلىپ، تىلى زۇۋانغا كېلىپ راۋۇرۇس گەپ قىلىشقا باشلىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىكىلەرگە بۇنى ھېچكىمگە تىنماسلىقنى بۇيرۇدى. لېكىن، ھەرقانچە بۇيرۇغان بولسىمۇ، كىشىلەر بۇ خەۋەرنى شۇنچە كەڭ يېيىۋەتتى. خالايىق ئىنتايىن ھەيرانلىق ئىچىدە قالغانىدى. ئۇلار: - ئۇ قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ياخشى! ھەتتا گاسلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئېچىپ، گاچىلارنى زۇۋانغا كەلتۈردى، - دېيىشتى. شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە، يەنە نۇرغۇن خالايىق يىغىلغانىدى. ئۇلارنىڭ يەيدىغىنى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ: - بۇ خالايىققا ئىچىم ئاغرىيدۇ. ئۇلار ئۈچ كۈندىن بېرى يېنىمدىن كەتمىدى، يەيدىغان بىر نەرسىسىمۇ قالمىدى. ئۇلارنى ئۆيلىرىگە ئاچ قورساق قايتۇرسام، يولدا يىقىلىپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بەزىلىرى يىراق يەرلەردىن كەلگەنىكەن، - دېدى. شاگىرتلىرى بۇنىڭغا جاۋابەن: - بۇنداق خىلۋەت بىر يەردە بۇنچىۋالا كىشىنى تويدۇرغۇدەك ناننى نەدىن تاپقىلى بولسۇن؟ - دېيىشتى. - قانچە نېنىڭلار بار؟ - دەپ سورىدى ھەزرىتى ئەيسا. - يەتتە، - دېيىشتى ئۇلار. بۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا خالايىقنى يەردە ئولتۇرۇشقا بۇيرۇدى. ئاندىن، يەتتە ناننى قولىغا ئالدى ۋە خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ ئوشتۇپ، كۆپچىلىككە تارقىتىپ بېرىش ئۈچۈن شاگىرتلىرىغا بەردى. ئۇلار كۆپچىلىككە تارقاتتى. شاگىرتلاردا يەنە بىرقانچە كىچىك بېلىقمۇ بار ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلار ئۈچۈنمۇ خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ، شاگىرتلىرىغا ئۇلارنىمۇ تارقىتىشنى ئېيتتى. ھەممەيلەن يەپ تويغاندىن كېيىن، شاگىرتلار ئېشىپ قالغان پارچىلارنى يەتتە سېۋەتكە يىغىۋالدى. ئۇ يەردە تۆت مىڭچە كىشى بار ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى يولغا سالغاندىن كېيىن، شاگىرتلىرى بىلەن بىللە دەرھال كېمىگە چۈشۈپ، دالمانۇتا رايونىغا كەتتى. پەرىسىيلەر كېلىپ ھەزرىتى ئەيسا بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە باشلىدى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلىكىنى سىناپ بېقىش مەقسىتىدە، ئۇنىڭدىن بىر كارامەت كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىشتى. ھەزرىتى ئەيسا چوڭقۇر بىر ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ: - بۇ زاماننىڭ ئادەملىرى نېمە ئۈچۈن كارامەت كۆرسەت، دەپلا تۇرىدىغاندۇ؟ بىلىپ قويۇڭلاركى، ئۇلارغا كۆرسىتىلىدىغان كارامەت يوق، - دېدى. ئاندىن، ئۇلاردىن ئايرىلىپ، يەنە كېمىگە ئولتۇرۇپ، كۆلنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتۈپ كەتتى. شاگىرتلار نان ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇغان بولۇپ، كېمىدە بىر ناندىن باشقا يېمەكلىك يوق ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ: - ھوشيار بولۇڭلار، پەرىسىيلەر بىلەن ھىرود خاننىڭ ئېچىتقۇسىدىن ئېھتىيات قىلىڭلار، - دېدى. شاگىرتلار بىر-بىرىگە: - نان ئەكەلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن شۇنداق دەۋاتسا كېرەك، - دېيىشتى. ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشىۋاتقانلىقىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن: - سىلەر نېمە ئۈچۈن نان ئەكەلمىگەنلىكىڭلار توغرىسىدا سۆزلىشىسىلەر؟ تېخىچە چۈشەنمەيۋاتامسىلەر؟ سىلەر تېخىچە بىخۇدمۇ؟ كۆزۈڭلار تۇرۇپ كۆرمەيۋاتامسىلەر؟ قۇلىقىڭلار تۇرۇپ ئاڭلىمايۋاتامسىلەر؟ ئېسىڭلاردا يوقمۇ؟ بەش ناننى بەش مىڭ كىشىگە ئۈلەشتۈرگىنىمدە، ئېشىپ قالغان نان پارچىلىرىنى قانچە سېۋەتكە يىغىۋالغانىدىڭلار؟ - دەپ سورىدى. - ئون ئىككى سېۋەتكە، - دېيىشتى ئۇلار. - يەتتە ناننى تۆت مىڭ كىشىگە ئۈلەشتۈرگىنىمدە، ئېشىپ قالغان نانلارنى قانچە سېۋەتكە يىغىۋالغانىدىڭلار؟ - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. - يەتتە سېۋەتكە، - دېيىشتى ئۇلار. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - ئۇنداقتا، يەنە چۈشەنمىدىڭلارمۇ؟ - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا بىلەن شاگىرتلىرى بەيتسايدا يېزىسىغا كەلدى. ئۇ يەردە كىشىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا بىر كور ئادەمنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزۈپ ساقايتىپ قويۇشنى ئۆتۈندى. ھەزرىتى ئەيسا كور ئادەمنىڭ قولىدىن يېتىلەپ يېزىنىڭ سىرتىغا ئېلىپ باردى ۋە ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تۈكۈرۈپ، قوللىرىنى تەگكۈزۈپ: - بىر نەرسە كۆرۈۋاتامسەن؟ - دەپ سورىدى. ئۇ ئادەم بېشىنى كۆتۈرۈپ: - كىشىلەرنى كۆرۈۋاتىمەن. بىراق ئۇلار خۇددى مېڭىپ يۈرىدىغان دەرەخلەردەك كۆرۈنۈۋاتىدۇ، - دېدى. ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا قوللىرىنى ئۇ ئادەمنىڭ كۆزلىرىگە يەنە بىر قېتىم تەگكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ كۆزلىرى ئېچىلىپ، ھەممە نەرسىنى ئېنىق كۆردى. ھەزرىتى ئەيسا بۇ ئىشنى ھېچكىمنىڭ ئۇقماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ئۆيىگە قايتۇرۇش ئالدىدا ئۇنىڭغا: - ئۆيگە قايتىش يولۇڭدا يېزىغا كىرمە، - دەپ تاپىلىدى. ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن بىللە فىلىپ قەيسەرىيىسى دېگەن رايونغا قاراشلىق يېزىلارغا باردى. ئۇ يولدا شاگىرتلىرىدىن: - كىشىلەر مېنى كىم دەپ بىلىدىكەن؟ - دەپ سورىدى. شاگىرتلىرى ئۇنىڭغا: - بەزىلەر سىزنى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا، بەزىلەر ئىلياس پەيغەمبەر ۋە يەنە بەزىلەر باشقا قەدىمكى پەيغەمبەرلەردىن بىرى دەپ بىلىدىكەن، - دەپ جاۋاب بېرىشتى. ھەزرىتى ئەيسا يەنە ئۇلاردىن: - سىلەرچۇ، سىلەر مېنى كىم دەپ بىلىسىلەر؟ - دەپ سورىدى. - سىز قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئىكەنسىز، - دەپ جاۋاب بەردى پېترۇس. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا بۇ ھەقتە ھېچكىمگە تىنماسلىقنى تاپىلىدى. ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا ئىنسانئوغلىنىڭ نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشى، ئاقساقاللار، ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنىشى، ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە ئۈچ كۈندىن كېيىن تىرىلدۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى شاگىرتلىرىغا ئۇقتۇرۇشقا باشلىدى. ئۇ بۇنى شاگىرتلارغا ئوچۇق-ئاشكارا سۆزلىدى. بۇنىڭ بىلەن، پېترۇس ھەزرىتى ئەيسانى بىر چەتكە تارتىپ، مەسىھنىڭ بېشىغا بۇنداق كېلىشمەسلىكلەرنىڭ كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنى ئەيىبلىدى. لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا بۇرۇلۇپ شاگىرتلىرىغا قارىدى ۋە پېترۇسنى ئەيىبلەپ: - يوقال كۆزۈمدىن، شەيتاندەك سۆزلەۋاتىسەن! ئويلىغانلىرىڭ خۇدانىڭ ئەمەس، ئىنساننىڭ خىيالىدۇر، - دېدى. ئاندىن، ئۇ شاگىرتلىرى بىلەن بىللە خالايىقنىمۇ چاقىرىپ مۇنداق دېدى: - كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى خالىسا، ئۆز خاھىشىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشسۇن! چۈنكى، ئۆزى ئۈچۈنلا ياشايدىغانلار ئەكسىچە ھاياتىدىن مەھرۇم بولىدۇ. بىراق، ئۆز خاھىشىدىن ۋاز كېچىپ، مەن ۋە خۇش خەۋەر ئۈچۈن ياشايدىغانلار ھاياتىنى ساقلىيالايدۇ. بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ ھاياتىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟! نېمىنى تۆلەپمۇ ھاياتلىققا ئېرىشكىلى بولسۇن؟! بۇ زاماننىڭ ۋاپاسىز ۋە گۇناھكار كىشىلىرى ئالدىدا كىمدەكىم مەندىن ۋە مېنىڭ سۆزلىرىمدىن نومۇس قىلسا، ئىنسانئوغلى بولغان مەنمۇ ئاتامنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە مۇقەددەس پەرىشتىلەر بىلەن بىللە قايتىپ كەلگىنىمدە، ئۇنىڭدىن نومۇس قىلىمەن. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە: - بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ بەزىلىرى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ كۈچ-قۇدرەت بىلەن ئايان بولغىنىنى كۆرمىگۈچە ئۆلمەيدۇ. ئالتە كۈندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا پەقەت پېترۇس، ياقۇپ ۋە يۇھاننانىلا ئېلىپ، ئېگىز بىر تاغقا چىقتى. ئۇ يەردە ھەزرىتى ئەيسانىڭ قىياپىتى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆزگەردى. كىيىملىرى كۆزنى شۇنچىلىك قاماشتۇرغۇدەك ئاپئاق بولۇپ كەتتىكى، دۇنيادىكى ھەرقانداق ئاقارتقۇچمۇ كىرنى ئۇنچىلىك ئاقارتالمايتتى. توساتتىن، شاگىرتلارغا ئىلياس پەيغەمبەر ۋە مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ھەزرىتى ئەيسا بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقى كۆرۈندى. پېترۇس ھەزرىتى ئەيساغا: - ئۇستازىم، بۇ يەردە بولغىنىمىز نېمىدېگەن ياخشى! بىرى سىزگە، بىرى مۇسا پەيغەمبەرگە، يەنە بىرى ئىلياس پەيغەمبەرگە دەپ، بۇ يەرگە ئۈچ كەپە ياسايلى، - دېدى. پېترۇس نېمە دېيىشىنى بىلمەي قالغانىدى، چۈنكى شاگىرتلار ناھايىتى قورقۇشۇپ كەتكەنىدى. شۇ ئەسنادا، بىر پارچە بۇلۇت پەيدا بولۇپ، ئۇلارنى قاپلىۋالدى. بۇلۇتتىن خۇدانىڭ: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم؛ ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار!» دېگەن ئاۋازى كەلدى. شاگىرتلار شۇئان ئەتراپىغا قاراشتى، لېكىن يېنىدا ھەزرىتى ئەيسادىن باشقا ھېچكىم كۆرۈنمىدى. تاغدىن چۈشۈۋېتىپ، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا ئىنسانئوغلى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلمىگۈچە، كۆرگەنلىرىنى ھېچكىمگە تىنماسلىقنى بۇيرۇدى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ سۆزىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، «ئۆلۈمدىن تىرىلىش» دېگەننىڭ مەنىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئۆزئارا پىكىرلەشتى. شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيسادىن يەنە: - تەۋرات ئۇستازلىرى نېمە ئۈچۈن: «ئىلياس پەيغەمبەر قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ كېلىشتىن ئاۋۋال قايتىپ كېلىشى كېرەك» دېيىشىدۇ؟ - دەپ سوراشتى. ئۇلار باشقا شاگىرتلارنىڭ يېنىغا قايتىپ بارغىنىدا، نۇرغۇن خالايىقنىڭ ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋالغانلىقىنى، بىرمۇنچە تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ ئۇلار بىلەن مۇنازىرىلىشىۋاتقانلىقىنى كۆردى. خالايىق ھەزرىتى ئەيسانى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران بولۇشتى ۋە يۈگۈرۈپ كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن سالاملاشتى. ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىدىن: - ئۇلار بىلەن نېمە توغرۇلۇق مۇنازىرىلىشىۋاتىسىلەر، - دەپ سورىدى. كۆپچىلىكتىن بىرەيلەن ئۇنىڭغا: - ئۇستاز، مەن ئوغلۇمنى سىزنىڭ ئالدىڭىزغا ئېلىپ كەلدىم، چۈنكى ئۇنىڭغا جىن چاپلىشىۋېلىپ، گەپ قىلالماس قىلىپ قويدى. جىن ھەر قېتىم ئوغلۇمغا چاپلاشسا، ئۇنى يەرگە يىقىتىۋېتىدۇ. بالىنىڭ ئاغزىدىن كۆپۈك چىقىپ، چىشلىرى كىرىشىپ كېتىدۇ. پۈتۈن ئەزايى قېتىپ قالىدۇ. شاگىرتلىرىڭىزدىن جىننى ھەيدىۋېتىشنى سورىغانىدىم، بىراق ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن كەلمىدى، - دېدى. - ئەي ئېتىقادسىز ئەۋلاد! سىلەر ماڭا ئىشەنگۈچە، مەن سىلەر بىلەن يەنە قانچىلىك بىللە بولۇشۇم كېرەك؟ يەنە قاچانغىچە بەرداشلىق بېرەي؟ - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - بالىنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار. ئۇلار بالىنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. جىن ھەزرىتى ئەيسانى كۆرۈش بىلەنلا بالىنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى تارتىشتۇرۇۋەتتى. بالا يىقىلىپ، ئاغزىدىن كۆپۈك چىقىپ، يەردە يۇمىلاشقا باشلىدى. ھەزرىتى ئەيسا بالىنىڭ ئاتىسىدىن: - ئۇنىڭ بېشىغا بۇ كۈن كەلگىنىگە قانچىلىك ۋاقىت بولدى؟ - دەپ سورىدى. - كىچىكىدىن تارتىپ شۇنداق. جىن ئۇنى يوقىتىش ئۈچۈن، كۆپ قېتىم ئوتقا ۋە سۇغا تاشلىدى. قولىڭىزدىن كەلسە بىزگە شاپائەت قىلىپ، ھالىمىزغا يەتكەيسىز! - دېدى بالىنىڭ ئاتىسى. - سىز نېمىشقا قولىڭىزدىن كەلسە دەيسىز؟ ئىشەنچ بار بولغان ئادەمگە ھەممە ئىش مۇمكىن! - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا. - ئىشەنچىم بار، لېكىن ئاجىز. ئىشەنچىمنى كۈچەيتكەيسىز! - دېدى بالىنىڭ ئاتىسى شۇئان. ھەزرىتى ئەيسا خالايىقنىڭ يۈگۈرۈشۈپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، جىننى ئەيىبلەپ: - ئەي ئادەملەرنى گاس ۋە گاچا قىلىدىغان جىن! بۇيرۇق قىلىمەنكى، بالىنىڭ تېنىدىن چىق، ئىككىنچى كىرگۈچى بولما! - دېدى. شۇنىڭ بىلەن، جىن بىر پەرياد كۆتۈردى-دە، بالىنىڭ بەدىنىنى قاتتىق تارتىشتۇرۇپ، ئۇنىڭ تېنىدىن چىقىپ كەتتى. بالا ئۆلۈكتەك جىم بولۇپ قالدى. ئۇ يەردىكىلەرنىڭ كۆپچىلىكى بالىنى «ئۆلدى!» دېيىشتى. لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا بالىنى قولىدىن تۇتۇپ تۇرغۇزغاندا، بالا ئورنىدىن تۇردى. ھەزرىتى ئەيسا ئۆيگە كىرىپ، شاگىرتلىرى بىلەن يالغۇز قالغاندا، ئۇلار ئۇنىڭدىن: - بىز نېمە ئۈچۈن جىننى ھەيدىيەلمىدۇق؟ - دەپ سوراشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - بۇ خىل جىننى پەقەت دۇئا بىلەنلا ھەيدىگىلى بولىدۇ، - دەپ جاۋاب بەردى. ئۇلار بۇ يەردىن ئايرىلىپ، جەلىلىيە ئۆلكىسى ئارقىلىق يۈرۈپ كەتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۆزلىرىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ھېچكىمنىڭ بىلىشىنى خالىمىدى. چۈنكى، ئۇ شاگىرتلىرىغا تەلىم بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۆزى ھەققىدە: - ئىنسانئوغلى باشقىلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلۇپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. لېكىن، ئۆلتۈرۈلۈپ ئۈچ كۈندىن كېيىن تىرىلىدۇ، - دېگەنىدى. شاگىرتلار بۇ سۆزلەرنى چۈشەنمىدى، بىراق ھەزرىتى ئەيسادىن سوراشقىمۇ پېتىنالمىدى. ئۇلار كەپەرناھۇم شەھىرىگە كەلدى. ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىدىن: - يولدا نېمە توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلىشتىڭلار؟ - دەپ سورىدى. ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى زۇۋان سۈرمىدى، چۈنكى ئۇلار يولدا كىمنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئىكەنلىكى توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلىشقانىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئولتۇرۇپ ئون ئىككى شاگىرتىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا: - كىم ئالدىنقىسى بولۇشنى خالىسا، ئەڭ ئاخىرقىسى ۋە ھەممەيلەننىڭ خىزمەتكارى بولسۇن، - دېدى. ئاندىن، ئۇ كىچىك بىر بالىنى ئوتتۇرىدا تۇرغۇزدى ۋە ئۇنى قۇچىقىغا ئېلىپ تۇرۇپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - كىم مېنى دەپ، بۇنداق كىچىك بالىنى قوبۇل قىلسا، ئۇ مېنىمۇ قوبۇل قىلغان بولىدۇ. كىم مېنى قوبۇل قىلسا، ئۇ مېنىلا ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىنىمۇ قوبۇل قىلغان بولىدۇ. يۇھاننا ھەزرىتى ئەيساغا: - ئۇستاز، سىزنىڭ نامىڭىز بىلەن جىنلارنى ھەيدەۋاتقان بىرسىنى كۆردۇق. لېكىن، ئۇ بىزگە ئوخشاش سىزگە ئەگەشمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنى توستۇق، - دېدى. - ئۇنى توسماڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - چۈنكى مېنىڭ نامىم بىلەن مۆجىزە ياراتقان كىشى ئارقىدىنلا مېنىڭ ئۈستۈمدىن يامان گەپ قىلمايدۇ. بىزگە قارشى تۇرمىغانلار بىزنى قوللىغانلاردۇر. بىلىپ قويۇڭلاركى، قۇتقۇزغۇچى- مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە ھەتتا بىرەر چىنە سۇ بەرگەن كىشىمۇ جەزمەن مېنىڭ ئىنئامىمدىن مەھرۇم قالمايدۇ. - كىمدەكىم ماڭا ئېتىقاد قىلغان بۇنداق كىچىكلەردىن بىرىنى گۇناھقا ئازدۇرسا، شۇ ئادەم ئۈچۈن ئېيتقاندا بوينىغا يوغان تۈگمەن تېشى ئېسىلغان ھالدا دېڭىزغا چۆكتۈرۈلگىنى ئەۋزەل. ئەگەر كۆزۈڭ سېنى گۇناھقا ئازدۇرسا، ئۇنى ئويۇپ تاشلا. ئىككى كۆزۈڭ بار ھالدا دوزاخقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، بىرلا كۆزۈڭ بىلەن بولسىمۇ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرگىنىڭ ئەۋزەل. دوزاختا قۇرت-قوڭغۇز ئۆلمەيدۇ، يالقۇنلۇق ئوت ئۆچمەيدۇ. ھەربىر قۇربانلىق تۇزلانغاندەك، ھەممە ئادەم ئوتتىن ئۆتىدۇ. تۇز ياخشى نەرسىدۇر. بىراق، تۇز ئۆز كۈچىدىن قالسا، ئۇنى قانداق ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ؟ شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ تۇزدەك بولۇپ ئاراڭلاردىكى ئىناقلىقىنى ساقلاڭلار. ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىكى رايونلارغا باردى. ئۇنىڭ ئەتراپىغا يەنە توپ-توپ ئادەم يىغىلغانىدى. ئۇ كۆپچىلىككە ھەر قېتىمقىدەك تەلىم بېرىشكە باشلىدى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا كەلگەن بەزى پەرىسىيلەر ئۇنىڭغا تۇزاق قۇرۇش مەقسىتىدە: - بىر ئادەمنىڭ ئايالىنى تالاق قىلىشى تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ؟ - دەپ سورىدى. - مۇسا پەيغەمبەر سىلەرگە نېمە دەپ بۇيرۇغان؟ - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. - مۇسا پەيغەمبەر ئەرلەرنىڭ ئايالىنى بىر پارچە تالاق خېتى يېزىپلا تالاق قىلىشىغا رۇخسەت قىلغان، - دېيىشتى ئۇلار. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - تەرسالىقىڭلاردىن مۇسا پەيغەمبەر بۇ بۇيرۇقنى يازغان. خۇدا ئالەمنى ياراتقاندا، ئىنسانلارنى «ئەر ۋە ئايال قىلىپ ياراتتى». «بىر ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئايالى بىلەن بىرلىشىپ بىر تەن بولۇشى ئەنە شۇ سەۋەبتىندۇر.» شۇنداق ئىكەن، ئەر-ئايال ئايرىم-ئايرىم ئىككى تەن بولماستىن، بىر تەندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا قوشقاننى ئىنسان ئايرىمىسۇن، - دېدى. ئۇلار ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، شاگىرتلىرى بۇ ھەقتە ھەزرىتى ئەيسادىن يەنە سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - ئايالىنى تالاق قىلىپ، باشقا بىرىنى ئەمرىگە ئالغان كىشى زىنا قىلغان بولىدۇ. ئېرىدىن ئاجرىشىپ باشقا ئەرگە تەگكەن ئايالمۇ زىنا قىلغان بولىدۇ، - دېدى. قولىنى تەگكۈزۈپ بەخت تىلىسۇن دەپ، كىشىلەر كىچىك بالىلىرىنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. بىراق، شاگىرتلار ئۇلارنى ئەيىبلىدى. بۇنى كۆرگەن ھەزرىتى ئەيسا خاپا بولۇپ، شاگىرتلىرىغا: - بالىلار ئالدىمغا كەلسۇن، ئۇلارنى توسماڭلار. چۈنكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىدىغانلار دەل مۇشۇلارغا ئوخشاشلاردۇر. بىلىپ قويۇڭلاركى، كىمدەكىم خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى سەبىي بالىلاردەك قوبۇل قىلمىسا، ئۇنىڭغا ھەرگىز كىرەلمەيدۇ، - دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ بالىلارنى قۇچىقىغا ئېلىپ، ئۇلارغا قوللىرىنى تەگكۈزۈپ بەخت تىلىدى. ھەزرىتى ئەيسا سەپەرگە چىقىش ئالدىدا، بىر كىشى يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا تىز پۈكۈپ: - ئى ياخشى ئۇستاز، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ - دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - مېنى نېمىشقا ياخشى دەيسىز؟ يېگانە خۇدادىن باشقا ياخشى يوق. سىز تەۋراتتا بۇيرۇلغان «قاتىللىق قىلما، زىنا قىلما، ئوغرىلىق قىلما، يالغان گۇۋاھلىق بەرمە، باشقىلارنى قاقتى-سوقتى قىلما، ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» دېگەن پەرزلەرنى ئادا قىلىڭ، - دېدى. - ئۇستاز، بۇلارغا كىچىكىمدىن تارتىپ ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىمەن، - دېدى ھېلىقى ئادەم. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق بىلەن قاراپ: - سىزدە قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر ئىش كەم. بېرىپ پۈتۈن مال-مۈلكىڭىزنى سېتىپ، پۇلىنى كەمبەغەللەرگە بېرىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، ئەرشتە خەزىنىڭىز بولىدۇ. ئاندىن كېلىپ ماڭا ئەگىشىڭ! - دېدى. بۇ سۆزنى ئاڭلاش بىلەنلا بۇ ئادەمنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ، قايغۇ ئىچىدە ئۇ يەردىن كېتىپ قالدى. چۈنكى، ئۇنىڭ مال-دۇنياسى ناھايىتى كۆپ ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۆپچۆرىسىگە كۆز يۈگۈرتۈپ چىققاندىن كېيىن، شاگىرتلىرىغا: - مال-دۇنياسى كۆپلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشى نېمىدېگەن تەس-ھە! - دېدى. شاگىرتلار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ھەيران بولۇشتى. لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە: - بالىلىرىم، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىش نېمىدېگەن تەس-ھە! بايلارنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشى تۆگىنىڭ يىڭنە تۆشۈكىدىن ئۆتۈشىدىنمۇ تەس ئىكەن! - دېدى. شاگىرتلار تېخىمۇ ھەيران بولۇشۇپ، بىر-بىرىدىن: - ئۇنداقتا، كىم قۇتقۇزۇشقا ئېرىشەلەيدۇ؟ - دەپ سوراشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا قاراپ: - بۇ، ئىنسانلارنىڭ قولىدىن ئەمەس، خۇدانىڭلا قولىدىن كېلىدىغان ئىشتۇر، چۈنكى خۇدا ھەممىگە قادىردۇر، - دېدى. - مانا بىز ھەممىنى تاشلاپ سىزگە ئەگەشتۇق! سىزچە، بىز قۇتقۇزۇلامدۇق؟ - دېدى پېترۇس كەينىدىنلا. - بىلىپ قويۇڭلاركى، مېنى ۋە خۇش خەۋەرنى دەپ، ئۆيى، ئاكا-ئۇكىلىرى، ئاچا-سىڭىللىرى، ئاتا-ئانىسى، بالا-چاقىلىرى ياكى يەر-زېمىنلىرىدىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ھەممىسى بۇ دۇنيادا زىيانكەشلىككە ئۇچراش بىلەن بىرگە يۈز ھەسسىلەپ ئۆي، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل، ئانا، بالا-چاقا ۋە يەر-زېمىنلارغا ئېرىشىدۇ. كېلىدىغان دۇنيادىمۇ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ. لېكىن شۇ چاغدا، نۇرغۇن ئالدىنقى قاتاردىكىلەر ئاخىرقىلار بولىدۇ، نۇرغۇن ئاخىرقىلار ئالدىنقى قاتارغا چىقىدۇ، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. ئۇلار يېرۇسالېمغا بارىدىغان يولدا ئىدى، ھەزرىتى ئەيسا ھەممىنىڭ ئالدىدا كېتىۋاتاتتى. شاگىرتلىرى ئۇنىڭ خەتەر يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ئۇ شەھەرگە ئالدىراپ ماڭغانلىقىدىن ھەيران ئىدى، ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرمۇ قورقۇنچ ئىچىدە كېتىۋاتاتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئون ئىككى شاگىرتىنى يەنە بىر چەتكە تارتىپ، ئۇلارغا ئۆز بېشىغا كېلىدىغانلارنى ئۇقتۇرۇپ: - مانا بىز ھازىر يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمىز. ئىنسانئوغلى ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىغا تاپشۇرۇلىدۇ. ئۇلار ئۇنى ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىپ، رىملىقلارغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. رىملىقلار ئۇنى مەسخىرە قىلىدۇ، يۈزىگە تۈكۈرىدۇ، ئۇنى قامچىلايدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ. لېكىن، ئۇ ئۈچ كۈندىن كېيىن قايتا تىرىلىدۇ، - دېدى. زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ياقۇپ بىلەن يۇھاننا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: - ئۇستاز، بىزنىڭ بىر تەلىپىمىز بار ئىدى. ئورۇنداپ بېرىشىڭىزنى ئۆتۈنىمىز، - دېيىشتى. - سىلەرگە نېمە قىلىپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلىسىلەر؟ - دەپ سورىدى ھەزرىتى ئەيسا. - سىز شان-شەرەپكە ئېرىشكىنىڭىزدە، بىرىمىزنى ئوڭ يېنىڭىزدا، بىرىمىزنى سول يېنىڭىزدا ئولتۇرغۇزغايسىز، - دېيىشتى ئۇلار. - سىلەر نېمە تەلەپ قىلغانلىقىڭلارنى بىلمەيۋاتىسىلەر، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - مەن ئىچىدىغان ئازاب قەدىھىنى ۋە مەن قوبۇل قىلىدىغان چۆمۈلدۈرۈشنى سىلەرمۇ قوبۇل قىلالامسىلەر؟ - قوبۇل قىلالايمىز، - دېيىشتى ئۇلار. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - سىلەر ھەقىقەتەنمۇ مېنىڭ ئازاب قەدىھىمگە ۋە چۆمۈلدۈرۈلۈشۈمگە ئورتاق بولىسىلەر. بىراق، ئوڭ ياكى سول يېنىمدا ئولتۇرۇشۇڭلارغا رۇخسەت قىلىش مېنىڭ ئىختىيارىمدا ئەمەس. بۇ ئورۇنلار كىملەرگە تەييارلانغان بولسا، شۇلار ئولتۇرىدۇ، - دېدى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان باشقا ئون شاگىرت ياقۇپ بىلەن يۇھانناغا خاپا بولۇشقا باشلىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى يېنىغا چاقىرىپ، مۇنداق دېدى: - سىلەرگە مەلۇم، بۇ دۇنيادىكى ھۆكۈمران دەپ قارالغانلار قول ئاستىدىكى خەلق ئۈستىدىن رەھىمسىزلىك بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ. ئەمىرلىرى ئۇلارنى قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىدارە قىلىدۇ. بىراق، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بۇنداق ئىش بولمىسۇن. سىلەردىن كىم مەرتىۋىلىك بولۇشنى خالىسا، ئۇ قالغانلارغا خىزمەت قىلسۇن. كىم بىرىنچى بولۇشنى خالىسا، ئۇ ھەممە ئادەمنىڭ قۇلى بولسۇن. چۈنكى، ئىنسانئوغلىمۇ باشقىلارنى ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرغىلى ئەمەس، باشقىلارغا خىزمەت قىلغىلى ۋە جېنىنى پىدا قىلىش بەدىلىگە نۇرغۇن ئادەملەرنى گۇناھتىن ئازاد قىلغىلى كەلدى. كېيىن، ئۇلار ئېرىخا شەھىرىگە كەلدى. ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى ۋە نۇرغۇن خالايىق بىلەن بىللە ئېرىخادىن قايتقان ۋاقىتتا، تىماينىڭ بارتىماي ئىسىملىك قارىغۇ ئوغلى يول بويىدا ئولتۇرۇپ، تىلەمچىلىك قىلىۋاتاتتى. ئۇ ناسىرەلىك ئەيسانىڭ ئۇ يەردە ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ: - ئى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى ئەيسا، ماڭا رەھىم قىلغايسىز! - دەپ توۋلاشقا باشلىدى. نۇرغۇن ئادەملەر ئۇنى ئەيىبلەپ، ئۈنىنى چىقارماسلىقىنى ئېيتتى. لېكىن، ئۇ: - ئى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى، رەھىم قىلغايسىز، - دەپ تېخىمۇ قاتتىق توۋلىدى. ھەزرىتى ئەيسا قەدىمىنى توختىتىپ: - ئۇنى چاقىرىڭلار، - دېدى. چاقىرغىلى بارغانلار قارىغۇغا: - قورقما! ئورنۇڭدىن تۇر، ئۇ سېنى چاقىرىۋاتىدۇ! - دېيىشتى. ئۇ ئادەم چاپىنىنى سېلىپ تاشلاپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كەلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭدىن: - مەندىن نېمە تەلەپ قىلىسەن؟ - دەپ سورىدى. قارىغۇ: - ئۇستاز، كۆزۈمنىڭ ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن! - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا: - قايتساڭ بولىدۇ، ماڭا باغلىغان ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى، - دېۋىدى، ئۇ ئادەمنىڭ كۆزى شۇئان ئېچىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئادەم يول بويى ھەزرىتى ئەيساغا ئەگىشىپ ماڭدى. ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن يېرۇسالېمغا يېقىنلىشىپ، زەيتۇن تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى بەيتپاجى ۋە بەيتانىيا دېگەن يېزىلارغا كەلگەندە، ئىككى شاگىرتىنى مۇنداق دەپ ئالدىن ئەۋەتتى: - سىلەر ئالدىمىزدىكى يېزىغا بېرىڭلار. يېزىغا كىرىپلا، تېخى مىنىلىپ باقمىغان بىر تەخەينىڭ باغلاقلىق تۇرغانلىقىنى كۆرىسىلەر. ئۇنى يېشىپ، يېتىلەپ كېلىڭلار. ئەگەر بىرى سىلەردىن: «نېمىشقا بۇنداق قىلىسىلەر؟» دەپ سوراپ قالسا، «رەببىمىزنىڭ بۇنىڭغا ھاجىتى چۈشتى، بىردەمدىن كېيىن قايتۇرۇپ بېرىدۇ» دەڭلار. ئۇلار بېرىپ يول ئۈستىدىكى بىر ئۆينىڭ دەرۋازىسى يېنىدا باغلاغلىق تۇرغان بىر تەخەينى كۆردى. ئۇلار تانىنى يېشىۋاتقان چاغدا، ئۇ يەردە تۇرغان بەزى كىشىلەر: - تەخەينى يېشىپ نېمە قىلىسىلەر؟ - دېيىشتى. شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ دېگەنلىرىنى ئېيتقاندا، ھېلىقى كىشىلەر ئۇلارغا يول قويدى. شاگىرتلار تەخەينى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا يېتىلەپ كېلىپ، ئۈستىگە ئۆز چاپانلىرىنى سالدى. ھەزرىتى ئەيسا تەخەيگە مىندى. نۇرغۇن خالايىقنىڭ بەزىلىرى چاپانلىرىنى، بەزىلىرى ئۆپچۆرىدىكى ئېتىزلاردىن كەسكەن شاخ-شۇمبىلارنى يولغا پايانداز قىلىپ سالدى. ئالدىدا ماڭغان ۋە كەينىدىن ئەگەشكەنلەر: «خۇداغا شۈكۈر! پەرۋەردىگارىمىزنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن! ئەجدادىمىز داۋۇتنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئىزباسارىغا مۇبارەك بولسۇن! ئەرشىئەلادىكى خۇداغا شۈكۈرلەر ئوقۇلسۇن!» دەپ ۋارقىرىشاتتى. ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمغا بېرىپ مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىردى ۋە ھەممە نەرسىنى كۆزدىن كەچۈردى. بىراق، كەچ كىرىپ قالغاچقا، ئون ئىككى شاگىرتى بىلەن بىللە يەنە بەيتانىياغا قايتتى. ئەتىسى ئۇلار بەيتانىيادىن چىققاندا، ھەزرىتى ئەيسانىڭ قورسىقى ئېچىپ كەتكەنىدى. ئۇ يىراقتىكى بار اقسان بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخىنى كۆرۈپ، ھېچبولمىغاندا توڭ ئەنجۈر بولسىمۇ باردۇ دەپ، ئۇنىڭغا قاراپ ماڭدى. دەرەخنىڭ يېنىغا بارغىنىدا، يوپۇرماقتىن باشقا ھېچ نەرسە تاپالمىدى. بۇ، ئەنجۈر پىشىدىغان ۋاقىت ئەمەس ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا دەرەخكە: - بۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىم سېنىڭ مېۋەڭنى يېمىگەي! - دېدى. شاگىرتلىرىمۇ بۇنى ئاڭلىدى. ئۇلار يېرۇسالېمغا كەلدى. ھەزرىتى ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى ھەيدەپ چىقىرىشقا باشلىدى. پۇل تېگىشىدىغانلارنىڭ شىرەلىرىنى ۋە كەپتەر ساتقۇچىلارنىڭ ئورۇندۇقلىرىنى ئۆرۈپ، مال كۆتۈرۈۋالغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلمىدى. ئۇ خەلققە تەلىم بەرگەندە، مۇنداق دېدى: - مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ: «مېنىڭ ئۆيۈم پۈتكۈل خەلقلەرنىڭ دۇئا-تىلاۋەتخانىسى دەپ ئاتالسۇن» دېگەن سۆزى يېزىلغان ئەمەسمۇ؟ لېكىن، سىلەر ئۇنى بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇۋاپسىلەر! - دېدى. ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى بۇنى ئاڭلاپ، ھەزرىتى ئەيسانى ئۇجۇقتۇرۇۋېتىشنىڭ چارىسىنى ئىزدەشكە باشلىدى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيسادىن قورقاتتى، چۈنكى پۈتۈن خالايىق ئۇنىڭ تەلىمىگە ھەيران ئىدى. كەچقۇرۇنلىرى، ھەزرىتى ئەيسا بىلەن شاگىرتلىرى شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتەتتى. ئەتىسى ئەتىگەندە، ھەزرىتى ئەيسا بىلەن شاگىرتلىرى ئەنجۈر دەرىخىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، دەرەخنىڭ يىلتىزىدىن قۇرۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈشتى. تۈنۈگۈنكى ۋەقەنى ئېسىگە ئالغان پېترۇس: - ئۇستاز، قاراڭ، سىز قارغىغان ئەنجۈر دەرىخى قۇرۇپ كېتىپتۇ! - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: - خۇداغا ئىشىنىڭلار. بىلىپ قويۇڭلاركى، كىم بۇ تاغقا: «قوزغال، دېڭىزغا تاشلان!» دېسە ۋە كۆڭلىدە گۇمانلانماي، ئېيتقانلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئىشەنچ قىلسا، ئۇنىڭ تەلىپى ئىجابەت بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە ئېيتىمەنكى، دۇئا بىلەن تىلىگەن ھەرقانداق نەرسىگە ئېرىشتىم، دەپ ئىشىنىڭلار. شۇندا، تەلىپىڭلار ئىجابەت بولىدۇ. ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ دۇئا قىلغىنىڭلاردا، بىرەرسىگە قورساق كۆپۈكۈڭلار بارلىقى يادىڭلارغا كەلسە، ئۇنى كەچۈرۈڭلار. شۇ چاغدا، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىدۇ. } سىلەر باشقىلارنى كەچۈرۈم قىلمىساڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلمايدۇ.{ ئۇلار يەنە يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى. ھەزرىتى ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا ئايلىنىپ يۈرگەندە، ئالىي روھانىيلار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە ئاقساقاللار ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: - سىز قىلىۋاتقان ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتىسىز؟ سىزگە بۇنداق قىلىش ھوقۇقىنى كىم بەرگەن؟ - دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - مەن ئاۋۋال سىلەردىن بىر سوئال سوراي. سىلەر ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىڭلار. شۇ چاغدا، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتىپ بېرىمەن. ئېيتىڭلارچۇ، يەھيا پەيغەمبەرگە چۆمۈلدۈرۈش ھوقۇقىنى خۇدا بەرگەنمۇ ياكى ئىنسانلارمۇ؟ - دېدى. ئۇلار ئۆزئارا مۇنازىرە قىلىشقا باشلاپ: - ئەگەر «خۇدا بەرگەن» دېسەك، ئۇ: «ئۇنداقتا سىلەر نېمە ئۈچۈن يەھياغا ئىشەنمىدىڭلار؟» دەيدۇ. بىراق، بىز قانداقمۇ: «ئىنسانلار بەرگەن» دېيەلەيمىز؟! - دېيىشتى. چۈنكى، ئۇلار يەھيانى ھەقىقەتەن پەيغەمبەر، دەپ ھېسابلايدىغان خەلقتىن قورقاتتى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ھەزرىتى ئەيساغا: - بىلمەيمىز، - دەپ جاۋاب بېرىشتى. - ئۇنداقتا، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتمايمەن، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا. ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا تەمسىللەر بىلەن سۆزلەشكە باشلىدى: - بىر كىشى بىر ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىپ، ئەتراپىنى چىتلاپتۇ. مۇسەللەس ئىشلەش ئۈچۈن ئۈزۈمزارلىققا بىر كۆلچەك قازدۇرۇپتۇ ۋە بىر كۆزەتخانا ياسىتىپتۇ. كېيىن، ئۈزۈمزارلىقنى ئىجارىگە بېرىپ، ئۆزى يىراق بىر يەرگە كېتىپتۇ. ئۈزۈملەرنى ئۈزىدىغان مەزگىل كەلگەندە، ئۇ ھوسۇلنىڭ بىر ئۈلۈشىنى ئېلىپ كېلىشكە قۇللىرىدىن بىرىنى ئىجارىكەشلەرنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ. لېكىن، ئىجارىكەشلەر ھېلىقى قۇلنى تۇتۇۋېلىپ دۇمبالاپ، قۇرۇق قول قايتۇرۇپتۇ. خوجايىن يەنە بىر قۇلىنى ئەۋەتىپتۇ. ئىجارىكەشلەر ئۇنىڭمۇ باش-كۆزىنى يېرىپ، ھاقارەتلەپ قايتۇرۇپتۇ. كېيىن، خوجايىن يەنە بىر قۇلىنى ئەۋەتىپتۇ. لېكىن ئۇ ئۆلتۈرۈلۈپتۇ. يەنە بىرمۇنچە قۇللىرىنى ئەۋەتىپتۇ، ئۇلارنىڭمۇ بەزىلىرى تاياق يەپ، بەزىلىرى ئۆلتۈرۈلۈپتۇ. خوجايىننىڭ يېنىدا بىرلا ئادىمى، يەنى ئۇنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلىلا قاپتۇ. ئۇ ئوغلۇمنىغۇ ھۆرمەت قىلار دەپ، ئىجارىكەشلەرنىڭ يېنىغا ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنى ئەۋەتىپتۇ. لېكىن، ئىجارىكەشلەر ئۆزئارا: «بۇ بولسا خوجايىننىڭ مىراسخورى. كېلىڭلار، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتەيلى، ئۈزۈمزارلىق بىزگە ئوڭچە قالسۇن» دېيىشىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈپ، ئۈزۈمزارلىقنىڭ سىرتىغا سۆرەپ ئاچىقىۋېتىپتۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئۈزۈمزارلىقنىڭ خوجايىنى بۇ ئىجارىكەشلەرنى قانداق قىلىدۇ؟ جەزمەن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئۈزۈمزارلىقىنى باشقىلارغا ئىجارىگە بېرىدۇ. سىلەر زەبۇردىكى مۇنۇ سۆزلەرنى زادى ئوقۇمىغانمىدىڭلار؟ «تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش قۇرۇلۇشنىڭ ئۇل تېشى بولۇپ قالدى. بۇ، پەرۋەردىگار تەرىپىدىندۇر، بىز ئۈچۈن ئاجايىپ بىر ئىشتۇر.» ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ تەمسىلنى ئۆزلىرىگە قارىتىپ ئېيتقانلىقىنى چۈشەنگەن يەھۇدىيلارنىڭ چوڭلىرى ئۇنى تۇتقۇن قىلماقچى بولدى. لېكىن، خەلقتىن قورقۇپ، ئۇنى تاشلاپ كېتىپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن، يەھۇدىيلارنىڭ چوڭلىرى ھەزرىتى ئەيسانى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ سۆزلىرى بىلەن تۇزاققا چۈشۈرۈش مەقسىتىدە پەرىسىيلەردىن ۋە رىمدىن تەيىنلەنگەن ھىرود پادىشاھنىڭ تەرەپدارلىرىدىن بەزىلەرنى ئۇنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى. ئۇلار كېلىپ ھەزرىتى ئەيساغا: - ئۇستاز، سىزنىڭ سەمىمىي ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى، ھېچكىمگە يۈز-خاتىر قىلمايدىغانلىقىڭىزنى بىلىمىز، چۈنكى كىشىلەرنىڭ سىرتقى قىياپىتى بىلەن ھېسابلاشماي، ئۇلارغا خۇدانىڭ يولىنى سادىقلىق بىلەن ئۆگىتىپ كەلدىڭىز. سىزچە رىم ئىمپېراتورى قەيسەرگە باج تاپشۇرۇشىمىز تەۋرات قانۇنىمىزغا خىلاپمۇ قانداق؟ زادى باج تاپشۇرامدۇق-تاپشۇرمامدۇق؟ - دېيىشتى. ئۇلارنىڭ ساختىپەزلىكىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا: - نېمىشقا مېنى سۆزۈم ئارقىلىق ئىلىندۇرماقچى بولۇۋاتىسىلەر؟ ماڭا بىر دانە كۈمۈش تەڭگە بېرىڭلار، كۆرۈپ باقاي، - دېدى. پۇل ئېلىپ كېلىندى، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن: - بۇنىڭ ئۈستىدىكى سۈرەت ۋە ئىسىم كىمنىڭ؟ - دەپ سورىدى. - رىم ئىمپېراتورى قەيسەرنىڭ، - دېيىشتى ئۇلار. - ئۇنداق بولسا، قەيسەرنىڭ ھەققىنى قەيسەرگە، خۇدانىڭ ھەققىنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا. ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ سۆزلىرىگە ھەيران قېلىشتى. ئۆلگەنلەر تىرىلمەيدۇ، دەپ قارايدىغان سادۇقىي دىنىي ئېقىمىدىكىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: - ئۇستاز، مۇسا پەيغەمبەر تەۋراتتا: «بىر كىشى ئۆلۈپ كېتىپ، ئايالى تۇل قېلىپ، پەرزەنت كۆرمىگەن بولسا، ئۆلگۈچىنىڭ ئاكا ياكى ئىنىسى تۇل قالغان يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نەسىل قالدۇرۇشى لازىم» دەپ يازغان. بۇرۇن يەتتە ئاكا-ئۇكا ئۆتكەنىكەن، چوڭى ئۆيلىنىپ پەرزەنت قالدۇرمايلا ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. كەينىدىكى ئىنىسى يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، ئۇمۇ پەرزەنت كۆرمەي ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. كەينىدىكى ئىنىسىمۇ شۇنداق بولۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ يەتتىنچىسىگىچە ئۇنى ئېلىپ چىقىپتۇ. لېكىن، ھېچقايسىسى پەرزەنت كۆرمەي ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. ئاخىردا، ئۇ ئايالمۇ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. ئەمدى سورايدىغىنىمىز شۇكى: قىيامەت كۈنى بۇ ئايال كىمنىڭ ئايالى بولۇپ تىرىلىدۇ؟ چۈنكى، يەتتە قېرىنداشنىڭ ھەممىسى ئۇنى خوتۇنلۇققا ئالغان-دە! - دېيىشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: - سىلەر مۇقەددەس يازمىلارنى ۋە خۇدانىڭ قۇدرىتىنى بىلمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن مانا مۇشۇنداق خاتالىشىسىلەر ئەمەسمۇ؟! ئۆلۈمدىن تىرىلگەندىن كېيىن ئىنسانلار ئەرشتىكى پەرىشتىلەرگە ئوخشاش، خوتۇن ئالمايدۇ، ئەرگە تەگمەيدۇ. ئۆلۈمدىن تىرىلىش مەسىلىسى ھەققىدە مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋراتتا ئوقۇمىدىڭلارمۇ؟ ئەجدادلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئاللىبۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، تەۋراتتىكى «تىكەنلىكنىڭ كۆيۈشى» ھەققىدىكى باياندا خۇدا ئۇلارنى تىرىك ھېسابلاپ: «مەن ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بولىمەن!» دەيدۇ. دېمەك، خۇدا ئۆلۈكلەرنىڭ ئەمەس، تىرىكلەرنىڭ خۇداسىدۇر. سىلەر تامامەن خاتالاشتىڭلار. ئۇلارنىڭ مۇنازىرىسىنى ئاڭلىغان ۋە ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۇلارغا ياخشى جاۋاب بەرگەنلىكىنى كۆرگەن بىر تەۋرات ئۇستازى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: - پۈتۈن ئەمرلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى قايسى؟ - دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئەڭ مۇھىمى شۇكى، «ئاڭلىغىن ئەي ئىسرائىللار! پەرۋەردىگارىمىز بولغان خۇدا بىردىنبىر خۇدادۇر. پەرۋەردىگارىڭ بولغان خۇدانى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن زېھنىڭ ۋە پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن سۆيگىن.» يەنە بىر ئەمر بولسا «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي.» مانا بۇلاردىن مۇھىم ئەمر يوق. - توغرا ئېيتتىڭىز، ئۇستاز، - دېدى تەۋرات ئۇستازى ھەزرىتى ئەيساغا، - «خۇدا بىردۇر، ئۇنىڭدىن باشقىسى يوقتۇر» دېگىنىڭىز دۇرۇس. ئىنساننىڭ خۇدانى پۈتۈن قەلبى، پۈتۈن ئەقلى ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن سۆيۈشى ھەم قوشنىسىنىمۇ ئۆزىنى سۆيگەندەك سۆيۈشى خۇداغا ئاتالغان ھەرقانداق كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ھەدىيىلەردىنمۇ مۇھىمدۇر. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭ ئاقىلانە جاۋاب بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ: - سىز خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدىن يىراق ئەمەسسىز، - دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنىڭدىن ھېچكىم سوئال سوراشقا پېتىنالمىدى. ھەزرىتى ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا تەلىم بېرىۋېتىپ، مۇنداق سوئالنى ئوتتۇرىغا قويدى: - تەۋرات ئۇستازلىرى قۇتقۇزغۇچى- مەسىھنى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى، دەپ تۇرۇۋالسا قانداق بولىدۇ؟ داۋۇت پادىشاھ ئۆزى مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامى بىلەن مۇنداق دېگەنغۇ: «پەرۋەردىگار خوجايىنىمغا ئېيتتىكى: ˜مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى ئايىغىڭ ئاستىدا دەسسەتكۈچە، مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن!Œ» قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولسىمۇ، لېكىن پادىشاھ داۋۇت مەسىھنى «خوجايىنىم» دېگەن يەردە مەسىھ ئۇنىڭدىن ئۇلۇغ بولمامدۇ؟! ئۇ يەردىكى جامائەت ھەزرىتى ئەيسانىڭ سۆزىنى زوق بىلەن ئاڭلايتتى. ھەزرىتى ئەيسا تەلىم بېرىپ مۇنداق دېدى: - تەۋرات ئۇستازلىرىدىن ھوشيار بولۇڭلار. ئۇلار ئۇزۇن تونلارنى كىيىۋېلىپ، غادىيىپ يۈرۈشكە ئامراق كېلىدۇ. بازارلاردا باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىگە سالام بېرىپ ھۆرمەتلىشىنى، ئىبادەتخانىلاردا ئالاھىدە ئورۇندا ئولتۇرۇشنى، زىياپەتلەردىمۇ تۆردە ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار تۇل ئاياللاردىن نەپ ئېلىپ، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى يەۋېلىپ، ئاندىن ئەتەي باشقىلار كۆرسۇن دەپ، ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دۇئا قىلىدۇ. ئۇلار جەزمەن تېخىمۇ قاتتىق جازاغا تارتىلىدۇ! ھەزرىتى ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى ئىئانە يىغىلىدىغان جاينىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئۆز ئىئانىلىرىنى تاشلاۋاتقان جامائەتكە قاراپ تۇراتتى. نۇرغۇن بايلار ساندۇققا خېلى كۆپ پۇل تاشلىدى. بىر كەمبەغەل تۇل ئايالمۇ كېلىپ، بىرنەچچە تىيىنلا قىممىتىدىكى ئىككى تەڭگىنى تاشلىدى. ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇ نامرات تۇل ئايالنىڭ ئىئانىسى خۇدانىڭ نەزىرىدە ھەممەيلەننىڭكىدىن كۆپ. چۈنكى، باشقىلار ئۆزلىرىنىڭ ئاشقان بايلىقلىرىدىن ئىئانە قىلدى. لېكىن، بۇ ئايال نامرات تۇرۇقلۇق، ئۆزىنىڭ بار-يوقىنى - تىرىكچىلىك قىلىدىغان ھەممە نەرسىسىنى ئىئانە قىلدى. ھەزرىتى ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانىدىن چىقىۋاتقاندا، شاگىرتلىرىدىن بىرى ئۇنىڭغا: - ئۇستاز، قاراڭ، بۇ نېمىدېگەن كۆركەم تاشلار! نېمىدېگەن ھەيۋەتلىك ئىمارەتلەر! - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - سەن بۇ ھەيۋەتلىك ئىمارەتلەرنى كۆرۈۋاتامسەن؟ بۇ يەردىكى ھەممە نەرسە گۇمران قىلىنىدۇ، ھەتتا بىر تال ئۇل تېشىمۇ جايىدا قالدۇرۇلمايدۇ، - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا زەيتۇن تېغىدا مەركىزىي ئىبادەتخانا تەرەپكە قاراپ ئولتۇرغاندا، پېترۇس، ياقۇپ، يۇھاننا ۋە ئەندەرلەر ئاستىغىنا ئۇنىڭدىن: - بىزگە ئېيتىڭچۇ، بۇ دېگەنلىرىڭىز قاچان يۈز بېرىدۇ؟ بۇلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان قانداق بېشارەت بولىدۇ؟ - دەپ سوراشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى: - باشقىلارنىڭ ئازدۇرۇشىدىن ھوشيار بولۇڭلار. نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ نامىمنى سېتىپ، «قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ مەن بولىمەن!» دەۋېلىپ، كۆپ ئادەملەرنى ئازدۇرىدۇ. سىلەر ئۇرۇش خەۋەرلىرى ۋە ئۇرۇش شەپىلىرىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭلاردىمۇ، ئالاقزادە بولۇپ كەتمەڭلار، چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەررەر. لېكىن بۇ، زامان ئاخىرى يېتىپ كەلدى، دېگەنلىك ئەمەس. بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ. بىر دۆلەت يەنە بىر دۆلەتكە ھۇجۇم قىلىدۇ. نۇرغۇن جايلاردا يەر تەۋرەش ۋە ئاچارچىلىقلار يۈز بېرىدۇ. مانا بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى خۇددى ھامىلىدار ئايالنىڭ تولغىقىنىڭ باشلانغىنىغا ئوخشايدۇ. سىلەر ئۆزۈڭلارغا پەخەس بولۇڭلار. كىشىلەر سىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ سوتقا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، ئىبادەتخانىلاردا قامچىلايدۇ. سىلەر ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، ۋالىي ۋە پادىشاھلار ئالدىدا سوراققا تارتىلىسىلەر. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئالدىدا مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىم بولىسىلەر. لېكىن، خۇش خەۋەر پۈتكۈل مىللەتلەرگە زامان ئاخىرىدىن بۇرۇن يەتكۈزۈلۈشى كېرەك. شۇڭا، سىلەر تۇتۇلۇپ سوتقا تاپشۇرۇلغاندا نېمە دېيىشتىن ئەندىشە قىلماڭلار. ئۇ چاغدا، سىلەرگە نېمە نېسىپ ئېتىلسە، شۇنى دەڭلار، چۈنكى سۆزلىگۈچى سىلەر ئەمەس، مۇقەددەس روھتۇر. قېرىنداش قېرىندىشىغا، ئاتا بالىسىغا خائىنلىق قىلىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىدۇ. بالىلارمۇ ئاتا-ئانىسى بىلەن قارشىلىشىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە ئىتتىرىدۇ. ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ھەممە ئادەم سىلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىدۇ، لېكىن ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەر جەزمەن قۇتقۇزۇلىدۇ. - «يىرگىنچلىك ۋەيران قىلغۇچى»~نىڭ ئۆزى تۇرۇشقا تېگىشلىك بولمىغان يەردە تۇرغىنىنى كۆرگىنىڭلاردا، (كىتابخانلار بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنسۇن) يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئاھالىلەر تاغلارغا قاچسۇن. ئۆگزىدىكىلەر ئۆيىدىكى نەرسە-كېرەكلىرىنى ئالماي قاچسۇن. ئېتىزلاردا ئىشلەۋاتقانلارمۇ چاپىنىنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن ئۆيىگە قايتماي قېچىپ كەتسۇن. ئۇ كۈنلەردە، قېچىشى ئەپسىز بولغان ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالا ئېمىتىدىغان ئانىلارنىڭ ھالىغا ۋاي! بۇ ۋەقەلەرنىڭ قىشقا توغرا كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار. چۈنكى، ئۇ كۈنلەردىكى بالايىئاپەتلەر خۇدا ئالەمنى ياراتقاندىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان، كەلگۈسىدىمۇ كۆرۈلمەيدۇ. پەرۋەردىگار ئۇ كۈنلەرنى ئازايتمىسىدى، ھېچكىم قۇتۇلالمايتتى. لېكىن، پەرۋەردىگار ئۇ كۈنلەرنى ئۆزى تاللىغانلىرى ئۈچۈن ئازايتقان. ئەگەر ئۇ چاغدا بىرى سىلەرگە: «قاراڭلار، قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ بۇ يەردە!» ياكى «قاراڭلار، مەسىھ ئەنە ئۇ يەردە!» دېسە، ئىشەنمەڭلار. چۈنكى، ساختا مەسىھلەر، ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا كېلىدۇ. ئەگەر مۇمكىن بولسىدى، ئۇلار خۇدا تاللىغانلارنى مۆجىزىلەر ۋە كارامەتلەر بىلەن ئازدۇرغان بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھوشيار بولۇڭلار. مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئېيتىش بىلەن، سىلەرنى ئالدىنئالا ئاگاھلاندۇرۇپ قويدۇم. - ئۇ كۈنلەردىكى بالايىئاپەتلەر ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، «قۇياش قارىيىپ، ئاي يورۇقلۇق بەرمەس، يۇلتۇزلار ئاسماندىن تۆكۈلۈپ، ئاسمان جىسىملىرى لەرزىگە كېلەر.» ئۇ چاغدا، كىشىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ زور كۈچ-قۇدرەت ۋە شان-شەرەپ بىلەن بۇلۇتلار ئىچىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. ئىنسانئوغلى پەرىشتىلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۆزى تاللىغان كىشىلەرنى ئالەمنىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە، دۇنيانىڭ تۆت بۇلۇڭىدىن يىغىپ بىر يەرگە جەم قىلىدۇ. - ئەنجۈر دەرىخىدىن ساۋاق ئېلىڭلار! ئۇنىڭ شاخلىرى كۆكىرىپ، يېڭى يوپۇرماق چىقارغاندا، يازنىڭ كېلىشىگە ئاز قالغانلىقىنى بىلىسىلەر. خۇددى شۇنىڭدەك، مەن بايا دېگەن ئالامەتلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردا، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئىشىك ئالدىدا، يەنى نامايان بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىڭلار. بىلىپ قويۇڭلاركى، مانا بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي تۇرۇپ، بۇ ئەۋلاد كىشىلەر ئالەمدىن ئۆتمەيدۇ. ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم يوقالماي مەڭگۈ ئىناۋەتلىك بولىدۇ! - بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغان ۋاقىت-سائىتىگە كەلسەك، بۇنى ئاتامدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. نە ئەرشتىكى پەرىشتىلەر، نە ئوغلى بىلمەيدۇ. پەخەس بولۇڭلار، سەگەك بولۇڭلار، چۈنكى ئۇ ۋاقىت-سائەتنىڭ قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيسىلەر. بۇ، سەپەرگە چىقماقچى بولغان ئادەمنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ. ئۇ يولغا چىقىدىغان چاغدا، چاكارلىرىنىڭ خىزمەت دائىرىسىنى بەلگىلەپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىردىن ۋەزىپە تاپشۇرىدۇ. دەرۋازىدىكى كۆزەتچىگىمۇ ھوشيار بولۇشنى تاپىلايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ھوشيار بولۇڭلار. چۈنكى ئۆينىڭ خوجايىنىنىڭ كېلىدىغان ۋاقتىنىڭ كەچقۇرۇنمۇ، تۈن يېرىمىمۇ، خوراز چىللىغان ۋاقىتمۇ ياكى سەھەر ۋاقتىمۇ، ئۇنى بىلەلمەيسىلەر. شۇڭا، ئۇ تۇيۇقسىز كېلىپ، سىلەرنى غەپلەت ئۇيقۇسىدا كۆرۈپ قالمىسۇن! سىلەرگە ئېيتقانلىرىمنى ھەممەيلەنگە ئېيتىمەن: ھوشيار بولۇڭلار! يەھۇدىيلارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ۋە پېتىر نان ھېيتىغا ئىككى كۈن قالغانىدى. ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ھەزرىتى ئەيسانى ھىيلە بىلەن تۇتۇپ ئۇجۇقتۇرۇۋېتىشنىڭ چارىسىنى ئىزدەشتى. ئۇلار: - بۇ ئىشنى ھېيت-ئايەم كۈنلىرى قىلمايلى. بولمىسا، خەلق ئارىسىدا قالايمىقانچىلىق چىقىشى مۇمكىن، - دېيىشەتتى. ھەزرىتى ئەيسا بەيتانىيا يېزىسىدا ئىلگىرى ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان سىمۇننىڭ ئۆيىدە داستىخاندا ئولتۇرۇۋاتقاندا، ئىچىگە قىممەتلىك ساپ سۇمبۇل ئەتىرى قاچىلانغان، ئاق قاشتېشىدىن ياسالغان قۇتىنى تۇتقان بىر ئايال كىرىپ، قولىدىكى قۇتىنى ئېچىپ، ئىچىدىكى ئەتىرنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ بېشىغا قۇيدى. بەزىلەر بۇنىڭغا خاپا بولۇپ، بىر-بىرىگە: - خۇش پۇراق ئەتىرنى بۇنداق ئىسراپ قىلغاننىڭ نېمە پايدىسى؟ بۇ ئەتىرنىڭ قىممىتى بىر يىللىق كىرىمىمىزگە تەڭ كېلىدىكەن! ئۇ سېتىلىپ پۇلى كەمبەغەللەرگە بېرىلسە بولاتتى، - دېيىشىپ، ئايالغا تاپا-تەنە قىلىشقا باشلىدى. - ئايالنىڭ ئىختىيارىغا قويۇۋېتىڭلار، ئۇنى خىجىل قىلىپ نېمە قىلىسىلەر؟ ئۇ مەن ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلدى. كەمبەغەللەر دائىم ئاراڭلاردا، ئۇلارغا خالىغان ۋاقىتتا ياردەم قىلالايسىلەر. لېكىن، مەن ئاراڭلاردا دائىم بولمايمەن. ئايال چامى يېتىدىغان ئىشنى قىلدى؛ مېنىڭ دەپنە قىلىنىشىمغا تەييارلىق يۈزىسىدىن بەدىنىمگە ئالدىنئالا ئەتىر سۈركەپ قويدى. بىلىپ قويۇڭلاركى، خۇش خەۋەر دۇنيانىڭ قەيېرىدە يەتكۈزۈلسە، بۇ ئايال ئەسلىنىپ، ئۇنىڭ قىلغان ئىشى تىلغا ئېلىنىدۇ، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا. شۇ ۋاقىتتا، ئون ئىككى شاگىرتتىن بىرى بولغان يەھۇدا ئىشقارىيوت ھەزرىتى ئەيسانى تۇتۇپ بېرىش مەقسىتىدە ئالىي روھانىيلارنىڭ يېنىغا باردى. بۇنى ئاڭلاپ، ئالىي روھانىيلارنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى ۋە ئۇنىڭغا پۇل بېرىشكە ۋەدە قىلىشتى. يەھۇدامۇ ھەزرىتى ئەيسانى ئۇلارغا تۇتۇپ بېرىشكە پۇرسەت ئىزدەشكە باشلىدى. پېتىر نان ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنى، يەنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىقى قىلىنىدىغان كۈنى، شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا كېلىشىپ: - ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى قەيەرگە بېرىپ تەييارلىشىمىزنى خالايسىز؟ - دەپ سورىدى. ئۇ شاگىرتلىرىدىن ئىككىيلەننى مۇنداق دەپ ئالدىن ئەۋەتتى: - يېرۇسالېمغا كىرىڭلار، ئۇ يەردە كوزىدا سۇ توشۇۋاتقان بىر ئەر كىشىنى ئۇچرىتىسىلەر. ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، ئۇ ئادەم كىرگەن ئۆينىڭ ئىگىسىگە: «ئۇستازىمىز: ˜شاگىرتلىرىم بىلەن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى يەيدىغان مېھمانلىق ئۆي قەيەردە؟Œ دەپ سوراۋاتىدۇ» دەڭلار. ئۇ سىلەرنى ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى رەتلىك جابدۇپ قويۇلغان بىر ئېغىز چوڭ ئۆيگە باشلاپ چىقىدۇ. مانا شۇ ئۆيدە ھېيتنىڭ تامىقىنى تەييار قىلىڭلار. شاگىرتلار يولغا چىقىپ شەھەرگە كىردى. ھەممە ئىشلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئېيتقىنىدەك بولۇپ چىقتى. ئۇلار شۇ يەردە تاماقنى تەييارلاشقا كىرىشتى. كەچقۇرۇن، ھەزرىتى ئەيسا ئون ئىككى شاگىرتى بىلەن كېلىپ، داستىخاندا ئولتۇرۇپ تائام ئۈستىدە: - بىلىپ قويۇڭلاركى، مەن بىلەن بىللە غىزالىنىۋاتقان سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى بىرەيلەن ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ، - دېدى. بۇ سۆز ئۇلارنى قايغۇغا سالدى. ئۇلار بىر-بىرلەپ: - مەن ئەمەستىمەن؟ - دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - ماڭا ساتقۇنلۇق قىلغۇچى قولىدىكى ناننى مەن بىلەن بىللە تەخسىگە تۆگۈرگەن ئون ئىككى شاگىرتنىڭ ئىچىدىكى بىرىدۇر. ئىنسانئوغلى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك ئالەمدىن ئۆتىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان كىشىنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇ ئادەم تۇغۇلمىغان بولسىچۇ كاشكى! - دېدى. ئۇلار تاماق يېيىشىۋاتقاندا، ھەزرىتى ئەيسا بىر ناننى قولىغا ئېلىپ شۈكۈر ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇنى ئوشتۇپ تۇرۇپ، شاگىرتلىرىغا بەردى ۋە: - ئېلىڭلار، بۇ مېنىڭ تېنىم، - دېدى. ئاندىن، ئۇ قولىغا بىر جام ئېلىپ خۇداغا شۈكۈر ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇنى شاگىرتلىرىغا سۇندى. ھەممەيلەن ئۇنىڭدىن ئىچىشتى. - بۇ، مېنىڭ نۇرغۇن ئادەملەر ئۈچۈن تۆكۈلۈپ، خۇدانىڭ ئەھدىسىنى تۈزىدىغان قېنىمدۇر. بىلىپ قويۇڭلاركى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا يېڭىچە شارابتىن ئىچمىگۈچە، بۇنداق شارابنى ھەرگىز ئىچمەيمەن، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. ئۇلار مەدھىيە ناخشىسىنى ئېيتقاندىن كېيىن تالاغا چىقىپ، زەيتۇن تېغىغا قاراپ كېتىشتى. بۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا: - ھەممىڭلار مېنى تاشلاپ كېتىشىلەر، چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدا: «قويچىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرىمەن، قويلىرى پاتىپاراق بولۇپ كېتىدۇ» دېگەن. لېكىن، مەن تىرىلگەندىن كېيىن، جەلىلىيىگە سىلەردىن بۇرۇن بارىمەن، - دېدى. پېترۇس ئۇنىڭغا: - ھەممەيلەن سىزنى تاشلاپ كەتسىمۇ، مەن ھەرگىز تاشلاپ كەتمەيمەن، - دېدى. - بىلىپ قويغىنكى، بۈگۈن كېچە خوراز ئىككى قېتىم چىللاشتىن بۇرۇن، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. لېكىن، پېترۇس تېخىمۇ قەتئىي تەلەپپۇز بىلەن: - سىز بىلەن بىللە ئۆلۈشكە توغرا كەلسىمۇ، سىزدىن تانمايمەن، - دېدى. قالغان شاگىرتلارمۇ شۇنداق دېيىشتى. كېيىن، ئۇلار گېتسىمانە دېگەن بىر يەرگە كەلدى. ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا: - مەن دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ كەلگۈچە، مۇشۇ جايدا ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار، - دېدى. ئۇ پېترۇس، ياقۇپ ۋە يۇھاننانى بىرگە ئېلىپ ماڭدى. بۇ ۋاقىتتا، ئۇنى قايغۇ بېسىپ، كۆڭلى قاتتىق بىئارام بولۇشقا باشلىدى. ئۇ: - جېنىم چىقىپ كېتىدىغاندەك غەم-قايغۇغا پاتتى. سىلەر بۇ يەردە قېلىپ، ھوشيار تۇرۇڭلار، - دېدى ۋە سەل نېرىراق بېرىپ، يەرگە باش قويۇپ، مۇمكىن بولسا ئۇ كۈننىڭ ئۆز بېشىغا كەلمەسلىكىگە دۇئا قىلىپ: - ئى سۆيۈملۈك ئاتا، ھەممىگە قادىرسەن، بۇ ئازاب قەدىھىنى مەندىن يىراقلاشتۇرغايسەن. لېكىن، بۇ ئىش مېنىڭ ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ئىرادەڭ بويىچە بولسۇن، - دېدى. ئۇ ئۈچ شاگىرتىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ مۈگدەپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، پېترۇسقا: - ئەي سىمۇن، ئۇخلاۋاتامسەن؟! بىرەر سائەتمۇ ھوشيار تۇرالمىدىڭمۇ؟! ئېزىقتۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، سەگەك تۇرۇپ دۇئا قىلىڭلار. كۆڭۈل خالايدۇ، لېكىن تەن ئاجىزدۇر، - دېدى. ئاندىن، ئۇ يەنە بېرىپ، بۇرۇنقى سۆزلىرىنى تەكرارلاپ دۇئا قىلدى. ئۇ شاگىرتلىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگىنىدە، ئۇلارنىڭ يەنە مۈگدەپ قالغانلىقىنى كۆردى. چۈنكى، ئۇلار كۆزلىرىنى ئاچالماي قالغانىدى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيساغا نېمە دېيىشىنى بىلمەي قالدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۈچىنچى قېتىم ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ: - سىلەر تېخىچە دەم ئېلىپ ئۇخلاۋاتامسىلەر؟ بولدى بەس ئەمدى! ئىنسانئوغلىنىڭ گۇناھكارلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدىغان ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلدى. قوپۇڭلار، كېتەيلى، مانا ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان كىشى كەپتۇ، - دېدى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ سۆزى ئاياغلاشماستىنلا، ئون ئىككى شاگىرتىنىڭ بىرى بولغان يەھۇدا كەلدى. ئۇنىڭ يېنىدا ئالىي روھانىيلار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە ئاقساقاللار تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن، قىلىچ-توقماقلار بىلەن قوراللانغان زور بىر توپ ئادەم بار ئىدى. ھەزرىتى ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدا ئۇلارغا ئاللىبۇرۇن: «مەن كىمنى سۆيسەم، ئەيسا شۇ. سىلەر ئۇنى تۇتۇپ، قاتتىق مۇھاپىزەت ئاستىدا ئېلىپ مېڭىڭلار» دېگەن ۋە سۆيۈش ئارقىلىق بەلگە بەرمەكچى بولغانىدى. ئۇ ئۇدۇل ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا بېرىپ: - ئۇستاز، - دەپ ئۇنى سۆيدى. شۇ چاغدا، ئۇ باشلاپ كەلگەنلەر ھەزرىتى ئەيساغا قول سېلىپ، ئۇنى تۇتقۇن قىلدى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىدىكىلەردىن بىرى قىلىچىنى سۇغۇرۇپ، باش روھانىينىڭ چاكىرىغا ئۇردى. قىلىچ چاكارنىڭ قۇلىقىغا تېگىپ، ئۇنى شىلىپ چۈشۈرۈۋەتتى. ھەزرىتى ئەيسا: - سىلەر قىلىچ-توقماقلارنى كۆتۈرۈپ مېنى تۇتقىلى كەپسىلەر، مېنى قاراقچى كۆرۈۋاتامسىلەر؟ ھەر كۈنى مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا سىلەر بىلەن بىللە بولۇپ تەلىم بېرەتتىم. ئۇ چاغدا تۇتمىدىڭلار. بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن ئېيتىلغانلارنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى بولدى، - دېدى. بۇ چاغدا، شاگىرتلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى تاشلاپ قېچىپ كېتىشتى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ كەينىدىن پەقەت ئۇچىسىغا كەندىر رەخت يېپىنچاقلىۋالغان بىر ياش ئەگىشىپ ماڭغانىدى. ئۇلار ئۇنىمۇ تۇتۇۋالدى. لېكىن، ئۇ رەختنىڭ ئىچىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ، يالىڭاچ پېتى قېچىپ كەتتى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى باش روھانىينىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى. پۈتۈن ئالىي روھانىيلار، ئاقساقاللار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىمۇ ئۇ يەرگە يىغىلدى. پېترۇس ھەزرىتى ئەيساغا تاكى باش روھانىينىڭ ھويلىسىغىچە يىراقتىن ئەگىشىپ بېرىپ، ھويلىدا قاراۋۇللار بىلەن بىللە ئىسسىنىپ ئولتۇردى. ئالىي روھانىيلار ۋە پۈتۈن ئالىي كېڭەشمە ئەزالىرى ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىش ئۈچۈن ئىسپات ئىزدىدى، ئەمما تاپالمىدى. بىرمۇنچە يالغان گۇۋاھچىلار ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، ئىسپاتلىرى بىر-بىرىگە ماسلاشمايتتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ، يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ: - بىز ئۇنىڭ: «ئىنسان قولى بىلەن ياسالغان بۇ ئىبادەتخانىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىنسان قولى بىلەن ياسالمىغان باشقا بىر ئىبادەتخانىنى ئۈچ كۈن ئىچىدە ياساپ چىقىمەن» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق، - دېدى. لېكىن، بۇ ھەقتىكى گۇۋاھلىقلارمۇ بىر-بىرىگە ماسلاشمىدى. ئاندىن، باش روھانىي ئورنىدىن تۇرۇپ، جامائەتنىڭ ئالدىدا ھەزرىتى ئەيساغا: - قېنى، جاۋاب بەرمەمسەن؟ بۇلارنىڭ سېنىڭ ئۈستۈڭدىن بەرگەن گۇۋاھلىقلىرىغا نېمە دەيسەن؟ - دېدى. لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا شۈك تۇرۇپ، ھېچقانداق جاۋاب بەرمىدى. باش روھانىي يەنە ئۇنىڭدىن: - مەدھىيىلىنىشكە لايىق بولغان خۇدانىڭ ئوغلى قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ سەنمۇ؟ - دەپ سورىدى. - ھەئە، مەن، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - سىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ قادىر خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدىغانلىقىنى ۋە كۆكتىكى بۇلۇتلار ئىچىدە كېلىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر. بۇ سۆزنى ئاڭلىغان باش روھانىي كىيىملىرىنى يىرتىپ تاشلاپ: - ئەمدى باشقا ھېچقانداق گۇۋاھچىنىڭ ھاجىتى قالمىدى. سىلەر ئۇنىڭ كۇپۇرلۇقلىرىنى ئاڭلىدىڭلار. ئەمدى بۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر؟ - دېدى. ئۇلار بىردەك ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى تېگىشلىك دەپ ھۆكۈم قىلىشتى. بەزىلىرى ئۇنىڭغا تۈكۈرۈشكە باشلىدى. ئۇلار يەنە ئۇنىڭ كۆزلىرىنى باغلاپ، مۇشت ئېتىپ: «پەيغەمبەر بولساڭ، ئېيتىپ باققىنا، سېنى كىم ئۇردى؟» دېيىشتى. قاراۋۇللارمۇ ئۇنى ئارىسىغا ئېلىۋېلىپ كاچاتلىدى. پېترۇس تۆۋەندىكى ھويلىدا تۇراتتى. باش روھانىينىڭ دېدەكلىرىدىن بىرى كېلىپ، ئىسسىنىپ ئولتۇرغان پېترۇسنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ: - سەنمۇ ناسىرەلىك ئەيسا بىلەن بىر ئىدىڭغۇ، - دېدى. پېترۇس بۇنى ئىنكار قىلىپ: - سېنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىڭنى بىلمىدىم ھەم چۈشەنمىدىم، - دېدى-دە، تاشقىرىغا، دەرۋازىنىڭ ئالدىغا چىقىپ تۇردى. شۇ ئەسنادا، خوراز چىللىدى. ئۇنىڭ تاشقىرىدا تۇرغانلىقىنى كۆرگەن ھېلىقى دېدەك ئۇ يەردە تۇرغانلارغا يەنە: - بۇ ئۇنىڭ ئادىمىغۇ، - دېدى. پېترۇس يەنە ئىنكار قىلدى. بىرئازدىن كېيىن، ئۇ يەردە تۇرغانلار پېترۇسقا يەنە: - شۈبھىسىزكى، سەن ئۇنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ بىرى. تەلەپپۇزۇڭدىن سېنىڭمۇ جەلىلىيىلىك ئىكەنلىكىڭ چىقىپ تۇرمامدۇ؟! - دېيىشتى. پېترۇس قەسەم قىلىپ: - سىلەر دەۋاتقان ئادەمنى تونۇمايمەن. بولمىسا، مېنى خۇدا ئۇرسۇن! - دېدى. دەل شۇ چاغدا، خوراز ئىككىنچى قېتىم چىللىدى. پېترۇس ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىگە: «خوراز ئىككى قېتىم چىللاشتىن بۇرۇن، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن» دېگەن سۆزىنى ئېسىگە ئېلىپ، كۆڭلى بۇزۇلۇپ يىغلاپ كەتتى. ئەتىسى تاڭ سەھەردە، ئالىي روھانىيلار، ئاقساقاللار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە ئالىي كېڭەشمىنىڭ پۈتۈن ئەزالىرى مەسلىھەتلىشىۋالغاندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسانى باغلاپ، ۋالىي پىلاتۇسقا تاپشۇرۇپ بەردى. پىلاتۇس ئۇنىڭدىن: - سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇ؟ - دەپ سورىدى. - ئېيتقىنىڭىزدەك، - دەپ جاۋاب بەردى ھەزرىتى ئەيسا. ئالىي روھانىيلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن بىرمۇنچە ئەرز-شىكايەتلەرنى قىلىشتى. پىلاتۇس ئۇنىڭدىن يەنە: - قارا، ئۇلار ئۈستۈڭدىن شۇنچىۋالا شىكايەت قىلىۋاتىدۇ. سەن ھېچقايسىسىغا جاۋاب بەرمەمسەن؟ - دەپ سورىدى. لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا يەنىلا زۇۋان سۈرمىدى. پىلاتۇس بۇنىڭغا ھەيران قالدى. ھەر قېتىملىق ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا، ۋالىي خەلق ئىلتىماس قىلغان بىر مەھبۇسنى قويۇپ بېرەتتى. ئەينى ۋاقىتتا، زىنداندا توپىلاڭدا ئادەم ئۆلتۈرگەن توپىلاڭچىلار بىلەن بىللە تۇتۇلغان بارابباس ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. خەلق ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن بىر مەھبۇسنى بۇرۇنقىغا ئوخشاش قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. پىلاتۇس ئۇلارغا: - سىلەرگە يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىنى قويۇپ بېرىشىمنى خالامسىلەر؟ - دېدى. پىلاتۇس ئالىي روھانىيلارنىڭ ھەزرىتى ئەيساغا ھەسەتخورلۇق قىلىپ، ئۇنى ئۆزىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى بىلەتتى. بىراق، ئالىي روھانىيلار خەلققە: «ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئورنىغا، بارابباسنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىڭلار» دەپ، ئۇلارنى كۈشكۈرتتى. پىلاتۇس ئۇلاردىن يەنە: - ئۇنداق بولسا، سىلەر يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى، دەپ ئاتىغان ئادەمنى قانداق بىر تەرەپ قىلاي؟ - دەپ سورىدى. - ئۇنى كرېستكە مىخلىتىڭ! - دەپ چۇقان سېلىشتى ئۇلار. - نېمىشقا؟ ئۇ نېمە جىنايەت ئۆتكۈزۈپتۇ؟ - دېدى پىلاتۇس ئۇلارغا. بىراق، ئۇلار تېخىمۇ قاتتىق ۋارقىرىشىپ: - ئۇنى كرېستكە مىخلىتىڭ! - دەپ تۇرۇۋېلىشتى. خالايىقنى خۇرسەن قىلماقچى بولغان پىلاتۇس بارابباسنى ئۇلارغا چىقىرىپ بەردى. ھەزرىتى ئەيسانى بولسا قامچىلاتقاندىن كېيىن، كرېستكە مىخلاش ئۈچۈن لەشكەرلىرىگە تاپشۇردى. لەشكەرلەر ھەزرىتى ئەيسانى ۋالىي ئوردىسىدىكى بىر سەيناغا ئېلىپ كىردى. ئاندىن، پۈتۈن لەشكەرلەر توپىنى بۇ يەرگە يىغدى. ئۇلار ئۇنىڭغا شاھانە سۆسۈن رەڭلىك تون، بېشىغا تىكەن شاخلىرىدىن ئۆرۈپ ياسالغان تاج كىيدۈردى. ۋە ئۇنىڭغا: «ياشىسۇن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى!» دەپ ۋارقىراشتى. ئاندىن، بېشىغا قومۇش بىلەن قايتا-قايتا ئۇرۇپ، ئۇنىڭغا قاراپ تۈكۈرۈشتى ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا تىز پۈكۈپ، سەجدە قىلىشتى. ئۇنى مانا شۇنداق مازاق قىلغاندىن كېيىن، سۆسۈن توننى سالدۇرۇپ، ئۇچىسىغا ئۆز كىيىملىرىنى كىيدۈردى ۋە كرېستكە مىخلاش ئۈچۈن ئېلىپ مېڭىشتى. سىمۇن ئىسىملىك بىر كىشى يېزىدىن كېلىپ، ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. ئىسكەندەر بىلەن رۇفۇسنىڭ ئاتىسى بولغان بۇ ئادەم كىرىنى شەھىرىدىن ئىدى. لەشكەرلەر ھەزرىتى ئەيسا يۈدۈپ ماڭغان كرېستنى بۇ ئادەمگە مەجبۇرىي كۆتۈرگۈزدى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى گولگوتا، يەنى «باش سۆڭەك» دېگەن يەرگە ئېلىپ باردى. ئۇنىڭغا مۇرمەككى ئارىلاشتۇرۇلغان شاراب بەردى، لېكىن ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى ئىچمىدى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى كرېستكە مىخلاپ ئاستى ۋە ھەرقايسىسى ئۆزىگە چىققاننى ئېلىش ئۈچۈن چەك تاشلىشىپ، كىيىملىرىنى بۆلۈشۈۋالدى. ھەزرىتى ئەيسا كرېستكە مىخلانغان ۋاقىت ئەتىگەن سائەت توققۇزلار ئىدى. گۇناھ تاختىسىغا «يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى» دەپ يېزىلغانىدى. ھەزرىتى ئەيسادىن باشقا ئىككى قاراقچىمۇ كرېستكە مىخلانغان بولۇپ، بىرى ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدىكى، يەنە بىرى سول يېنىدىكى كرېستتە ئىدى. } شۇنداق قىلىپ، مۇقەددەس يازمىلاردىكى: ˜ئۇ جىنايەتچىلەر بىلەن بىر قاتارغا قويۇلىدۇŒ دېگەن سۆز ئىسپاتلاندى.{ ئۇ يەردىن ئۆتكەنلەر باشلىرىنى چايقىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانى ھاقارەتلەپ: - قېنى، سەن ئىبادەتخانىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۈچ كۈندە قايتىدىن ياساپ چىقىدىغان ئادەم ئىدىڭغۇ؟ ئەمدى كرېستتىن چۈشۈپ، ئۆزۈڭنى قۇتقۇزغىنا! - دېيىشتى. ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىمۇ ئۇنى شۇنداق مەسخىرە قىلىپ، ئۆزئارا: - باشقىلارنى قۇتقۇزۇپتىكەن، ئۆزىنى قۇتقۇزالمىدى. ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئەمدى كرېستتىن چۈشۈپ باقسۇنچۇ، بىز شۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلايلى، - دېيىشتى. ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىللە كرېستكە مىخلانغانلارمۇ ئۇنى ھاقارەتلەشتى. چۈش ۋاقتى سائەت ئون ئىككىدە، پۈتۈن زېمىننى قاراڭغۇلۇق قاپلاپ، سائەت ئۈچكىچە داۋام قىلدى. سائەت ئۈچتە، ھەزرىتى ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «ئېلوي، ئېلوي، لەما شەۋاقتانى! يەنى «خۇدايىم، خۇدايىم، مېنى نېمىشقا تاشلىۋەتتىڭ!» دەپ ۋارقىرىدى. ئۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ بەزىلىرى بۇنى خاتا ئاڭلاپ: - قاراڭلار، بۇ ئادەم ئىلياس پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىۋاتىدۇ - دېيىشتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرەيلەن يۈگۈرۈپ بېرىپ، بىر پارچە بۇلۇتنى ئەكېلىپ ئەرزان ئۈزۈم شارابىغا چىلاپ، ئۇنى قومۇشنىڭ ئۇچىغا باغلاپ ھەزرىتى ئەيساغا ئىچكۈزمەكچى بولدى ۋە: - توختاپ تۇرۇڭلار! قاراپ باقايلى، ئىلياس پەيغەمبەر كېلىپ ئۇنى چۈشۈرۈۋالامدىكىن؟ - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا قاتتىق ۋارقىرىدى-دە، تىنىقى توختاپ، جان ئۈزدى. شۇ ۋاقىتتا، مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى پەردە يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئىككى پارچە بولۇپ يىرتىلدى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۇدۇلىدا تۇرغان يۈز بېشى ئۇنىڭ قانداق جان ئۈزگىنىنى كۆرۈپ: - بۇ ئادەم ھەقىقەتەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەن! - دېدى. ئۇ يەردە يەنە ۋەقەنى يىراقتىن كۆرۈپ تۇرغان بەزى ئاياللارمۇ بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مەجدەللىك مەريەم، ك چىك ياقۇپ بىلەن يوسىنىڭ ئانىسى مەريەم ۋە سالومىلار بار ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيىدە تۇرغان ۋاقىتتا، بۇ ئاياللار ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولغانىدى. ئۇنىڭ بىلەن يېرۇسالېمغا بىللە كەلگەن يەنە بىرمۇنچە ئاياللارمۇ ئەھۋالنى كۆزىتىپ تۇراتتى. پىلاتۇس ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئاللىقاچان ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلاپ ھەيران بولدى. ئۇ يۈز بېشىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلگىنىگە قانچىلىك ۋاقىت بولغانلىقىنى سورىدى. ئۇ يۈز بېشىدىن ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، يۈسۈپكە جەسەتنى ئېلىپ كېتىشكە رۇخسەت قىلدى. يۈسۈپ كەندىر رەخت سېتىۋېلىپ، جەسەتنى كرېستتىن چۈشۈرۈپ كېپەنلىدى ۋە قىيادا ئويۇلغان بىر قەبرىگە دەپنە قىلىپ، ئاغزىغا يوغان بىر قورام تاشنى دومىلىتىپ قويدى. مەجدەللىك مەريەم بىلەن يوسىنىڭ ئانىسى مەريەم ھەزرىتى ئەيسانىڭ قويۇلغان يېرىنى كۆرۈۋالدى. دەم ئېلىش كۈنى ئۆتكەندىن كېيىن، مەجدەللىك مەريەم، ياقۇپنىڭ ئانىسى مەريەم ۋە سالومىلار بېرىپ ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتىگە سۈرۈش ئۈچۈن خۇش پۇراقلىق بۇيۇملارنى سېتىۋالدى. ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۇلار تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ، كۈن چىقىش بىلەن تەڭ قەبرىگە بېرىشتى. ئۇلار ئۆزئارا: «قەبرىنىڭ ئاغزىدىكى تاشنى كىم دومىلىتىشىپ بېرەر؟» دېيىشتى. ئۇ تاش ناھايىتى چوڭ ئىدى. بىراق، ئۇلار باشلىرىنى كۆتۈرۈپ قارىغىنىدا، تاشنىڭ بىر يانغا دومىلىتىۋېتىلگەنلىكىنى كۆردى. ئۇلار قەبرىگە كىرىپ ئوڭ تەرەپتە ئاق تون كىيگەن ياش بىر ئادەمنىڭ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرگەندە، ئالاقزادە بولۇشتى. ئۇ پەرىشتە ئۇلارغا: - ئالاقزادە بولماڭلار، سىلەر كرېستكە مىخلانغان ناسىرەلىك ھەزرىتى ئەيسانى ئىزدەۋاتىسىلەر. ئۇ تىرىلدى، بۇ يەردە ئەمەس. مانا، ئۇ بۇرۇن قويۇلغان جاي. سىلەر بېرىپ ئۇنىڭ شاگىرتلىرىغا، بولۇپمۇ پېترۇسقا: «ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيىگە سىلەردىن ئاۋۋال بارىدىكەن، سىلەرگە ئېيتقىنىدەك، ئۇنى شۇ يەردە كۆرىدىكەنسىلەر» دەڭلار، - دېدى. ئۇلارنى تىترەك باستى ھەم ئالاقزادە بولۇشۇپ قەبرىدىن چىقىپ قاچتى. قورقۇپ كەتكەچكە، بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتمىدى. ھەزرىتى ئەيسا ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى تاڭ سەھەردە تىرىلگەندىن كېيىن، ئاۋۋال مەجدەللىك مەريەمگە كۆرۈندى. ئۇ بۇ ئايالنىڭ تېنىدىن يەتتە جىننى ھەيدىۋەتكەنىدى. مەريەم بېرىپ بۇرۇن ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىللە بولغان، ھازىر ماتەم تۇتۇپ كۆز يېشى قىلىشىۋاتقان شاگىرتلارغا خەۋەر قىلدى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكى ۋە مەريەمنىڭ ئۇنى كۆرگەنلىكىنى ئاڭلىغاندا، ئىشەنمىدى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا يېزىغا كېتىۋاتقان ئىككى شاگىرتىغا باشقا بىر قىياپەتتە كۆرۈندى. شۇنىڭ بىلەن، شاگىرتلار كەينىگە قايتىپ، باشقىلارغا بۇ ئىشنى خەۋەر قىلدى، لېكىن ئۇلار بۇنىڭغىمۇ ئىشەنمىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ غىزالىنىۋاتقان ئون بىر شاگىرتىغا كۆرۈنۈپ، ئۇلارنىڭ ئېتىقادسىزلىقى ۋە تەرسالىقىنى ئەيىبلىدى. چۈنكى، ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى تىرىلگەندىن كېيىن كۆرگەنلەرنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىگەنىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ، پۈتۈن ئىنسانلارغا خۇش خەۋەرنى جاكارلاڭلار. ئېتىقاد قىلىپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغانلار قۇتقۇزۇلىدۇ. ئېتىقاد قىلمىغانلار بولسا دوزاخقا مەھكۇم قىلىنىدۇ. ئېتىقاد قىلغانلارغا مۇنداق مۆجىزىلەرنى كۆرسىتىش قابىلىيىتى ھەمراھ بولىدۇ: ئۇلار مېنىڭ نامىم بىلەن جىنلارنى ھەيدىۋېتەلەيدۇ، نامەلۇم تىللاردا سۆزلىشەلەيدۇ، يىلانلارنى قوللىرىدا تۇتسىمۇ، ھېچنېمە بولمايدۇ، زەھەرلىك نەرسىنى ئىچسىمۇ، ھېچقانداق تەسىر قىلمايدۇ. بىمارلارغا قوللىرىنى تەگكۈزۈپ قويسا، كېسەللىرى ساقىيىپ كېتىدۇ. رەببىمىز ئەيسا ئۇلارغا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى ۋە خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى. شاگىرتلار تەرەپ-تەرەپكە بېرىپ خۇش خەۋەرنى جاكارلاپ يۈردى. رەببىمىز ئۇلار بىلەن بىللە بولۇپ، ئۆز سۆزىنى ئۇلار كۆرسەتكەن مۆجىزىلەر بىلەن ئىسپاتلىدى.{ ھۆرمەتلىك تېئوفىلوس جانابلىرى، سىزگە مەلۇمكى، نۇرغۇن كىشىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئارىمىزدا قىلغان ئىشلىرىنى خاتىرىلەشكە كىرىشكەنىدى. ئۇلار خاتىرىلەشتە، بۇ ئىشلارنى باشتىن-ئاخىر ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، خۇش خەۋەر تارقاتقانلارنىڭ بايانلىرىنى ئاساس قىلغان. مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى باشتىن تەپسىلىي تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ چىققانلىقىم ئۈچۈن، بۇلارنى تەرتىپى بويىچە يېزىپ، سىزگە مەلۇم قىلىشنى لايىق تاپتىم. بۇنىڭدىن مەقسەت، سىزگە ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدە ئاڭلىغان تەلىملەرنىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى بىلدۈرۈشتۇر. ھىرود پادىشاھ يەھۇدىيلار رايونلىرىدا ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزۈۋاتقان چاغلاردا، زەكەرىيا ئىسىملىك بىر روھانىي ئۆتكەنىدى. ئۇ ئىلگىرىكى روھانىي ئابىيا توپىغا تەۋە بولۇپ، ئۆز نۆۋىتى كەلگەندە يېرۇسالېمدىكى مەركىزىي ئىبادەتخانىدا ئىشلەيتتى. ئۇنىڭ ئايالى ئېلىزابېتمۇ تۇنجى باش روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىدى. ئۇلار ئىككىلىسى خۇدانىڭ نەزىرىدە دۇرۇس كىشىلەردىن بولۇپ، خۇدانىڭ پۈتۈن ئەمر-پەرمانلىرىغا قاتتىق ئەمەل قىلاتتى. ئەمما، ئۇلار پەرزەنت كۆرمىگەنىدى. چۈنكى، ئېلىزابېت تۇغماس ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىلىسى ياشىنىپ قالغانىدى. بىر كۈنى، زەكەرىيا ۋە ئۇنىڭ قىسمىدىكى روھانىيلار مەركىزىي ئىبادەتخانىدا نۆۋىتى بويىچە روھانىيلىق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىۋاتاتتى. ئۇلار ھەر كۈنى ئادىتى بويىچە ئىبادەتخانىنىڭ مۇقەددەس جايىغا كىرىپ، خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا ئىسرىق سېلىشقا بىر روھانىي تاللاش ئۈچۈن چەك تاشلايتتى. ئۇ كۈنى، چەك زەكەرىياغا چىقتى. ئۇ مۇقەددەس جايغا كىرىپ ئىسرىق سېلىۋاتقاندا، ئىبادەتكە كەلگەن جامائەت تاشقىرىدا دۇئا قىلىشىۋاتاتتى. تۇيۇقسىز ئىسرىقداننىڭ ئوڭ تەرىپىدە زەكەرىياغا خۇدا ئەۋەتكەن بىر پەرىشتە كۆرۈندى. زەكەرىيا قورققىنىدىن ھودۇقۇپ كەتتى، بىراق پەرىشتە ئۇنىڭغا: - ئەي زەكەرىيا، قورقمىغىن! خۇدا دۇئايىڭنى قوبۇل قىلدى. ئايالىڭ ئېلىزابېت ساڭا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئىسمىنى يەھيا قويغىن. ئۇ ساڭا خۇشال-خۇراملىق ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇنىڭ دۇنياغا كېلىشى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر خۇرسەن بولۇشىدۇ. ئۇ خۇدانىڭ نەزىرىدە ئۇلۇغ بولىدۇ، ھاراق-شاراب ئىچمەيدۇ. ئۇ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدىن تارتىپلا خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا چۆمگەن بولىدۇ. ئۇ نۇرغۇن ئىسرائىللارنى رەببىمىز خۇدانىڭ يولىغا قايتۇرىدۇ. ئۇ خۇدا تەرىپىدىن خۇددى ئىلياس پەيغەمبەرگە ئاتا قىلىنغاندەك روھ ۋە كۈچ-قۇدرەتكە تولغان ھالدا، ئۆزىدىن كېيىن كېلىدىغان قۇتقۇزغۇچىدىن ئاۋۋال ئەۋەتىلىپ، ئاتا بىلەن بالىلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى يېڭىۋاشتىن ئىناقلاشتۇرۇپ، خۇداغا بويسۇنمايدىغانلارنى ئادىللارنىڭ ئاقىلانە يوللىرىغا قايتۇرۇپ، خەلقنى رەببىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا تەييار قىلىدۇ، - دېدى. - مەن قېرىپ قالدىم، ئايالىمنىڭ يېشىمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالغان تۇرسا، بۇنداق بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ مەن ئۇنى نېمىدىن بىلەلەيمەن؟ - دەپ سورىدى زەكەرىيا پەرىشتىدىن. پەرىشتە: - مەن خۇدانىڭ ھۇزۇرىدىكى جەبرائىل بولىمەن. مېنى خۇدا ساڭا بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتتى. ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، سۆزلىرىم چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. بىراق، بۇنىڭغا ئىشەنمىگەنلىكىڭ ئۈچۈن تىلىڭ تۇتۇلىدۇ. بالا تۇغۇلمىغۇچە، زۇۋانغا كەلمەيسەن، - دەپلا كۆزدىن غايىب بولدى. بۇ چاغدا، زەكەرىيانى كۈتۈپ تۇرغانلار ئۇنىڭ مۇقەددەس جايدا نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا كېچىككەنلىكىنى چۈشەنمەي ھەيران بولۇشتى. كۆپچىلىك ئۇنىڭ مۇقەددەس جايدىن چىقىپ، گەپ قىلالماي، قوللىرى ئارقىلىق ئىشارەت قىلىپ مەقسىتىنى بىلدۈرگەنلىكىدىن، ئۇنىڭ مۇقەددەس جايدا بىرەر غايىبانە ئالامەتنى كۆرگەنلىكىنى چۈشەندى. زەكەرىيا ئىبادەتخانىدىكى نۆۋەتچىلىك مۇددىتى توشۇشى بىلەنلا ئۆيىگە قايتتى. دەرۋەقە، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ ئايالى ئېلىزابېت ھامىلىدار بولۇپ، بەش ئايغىچە تالا-تۈزگە چىقمىدى. ئۇ: «ئەمدى رەببىم ماڭا ياخشىلىق قىلىپ، مېنى خالايىق ئالدىدا نومۇستىن قۇتقۇزدى» دېدى. جەبرائىل مەريەمنىڭ ئالدىغا بېرىپ: - سالام ساڭا، ئەي خۇدانىڭ شەپقىتىگە مۇيەسسەر بولغان قىز. رەببىم ساڭا ياردۇر! - دېدى. بۇنىڭدىن بەك تەمتىرەپ كەتكەن مەريەم بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسى نېمىدۇ، دەپ ئويلىدى. جەبرائىل ئۇنىڭغا: - ئەي مەريەم، قورقمىغىن. سەن خۇدانىڭ شەپقىتىگە ئېرىشتىڭ. ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىسەن، ئىسمىنى ئەيسا [مەنىسى: «پەرۋەردىگار قۇتقۇزىدۇ»] قويغىن. ئۇ ئۇلۇغ بولىدۇ، ئۇلۇغ خۇدا ئۇنى ئوغلۇم، دەپ ئاتايدۇ. پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنى ئەجدادى پادىشاھ داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزىدۇ. ئۇ ياقۇپنىڭ جەمەتى بولغان ئىسرائىللارنىڭ مەڭگۈ پادىشاھى بولىدۇ، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى چەكسىزدۇر، - دېدى. - مەن تېخى قىز تۇرسام، بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ - دەپ سورىدى مەريەم پەرىشتىدىن. - خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭغا چۈشىدۇ. ئۇلۇغ خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ساڭا سايە بولۇپ يېقىنلىشىدۇ. شۇڭا، سەندىن تۇغۇلىدىغان مۇقەددەس پەرزەنت خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىلىدۇ. تۇغقىنىڭ ئېلىزابېتقا قارا! كىشىلەر ئۇنى تۇغماس دەيتتى. ئۇ ھازىر شۇنچە ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئوغۇلغا قورساق كۆتۈرگىنىگە ئالتە ئاي بولۇپ قالدى. چۈنكى، خۇدا قىلالمايدىغان ھېچقانداق ئىش يوق، - دېدى جەبرائىل. - مەن خۇدانىڭ خىزمىتىگە تەييارمەن، دېگىنىڭىزدەك بولسۇن، - دېدى مەريەم. شۇنىڭ بىلەن، جەبرائىل ئۇنىڭ يېنىدىن كەتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي، مەريەم ئالدىراش يولغا چىقىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ تاغلىق رايونىدىكى بىر شەھەرگە باردى. ئۇ يەردە زەكەرىيانىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئېلىزابېتقا سالام بەردى. رەببىمنىڭ ئانىسى بولۇش سۈپىتىڭ بىلەن مېنى يوقلاپ كېلىشىڭگە مۇناسىپ ئەمەسمەن. سالىمىڭ قۇلىقىمغا كىرگەندە، قورسىقىمدىكى بوۋاق سۆيۈنۈپ سەكرەپ كەتتى. سەن، «خۇدا ماڭا بەرگەن ۋەدىسىنى جەزمەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ» دەپ ئىشەنگەچكە، نەقەدەر بەختلىكسەن! مەريەممۇ خۇش بولۇپ مۇنداق دېدى: «قەلبىمدىن ئۇلۇغلايمەن رەببىمنى، قۇتقۇزغۇچىم خۇدا قىلدى خۇرسەن دىلىمنى، ياد ئەتتى ئۇ مەندەك ئەرزىمەس بىر قۇلىنى. ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە بەختلىك، دەپ ئاتىلارمەن شۇندىن بېرى، چۈنكى، قادىر خۇدا مەن ئۈچۈن ياراتتى ئۇلۇغ ئىشلارنى. مۇقەددەستۇر ئۇنىڭ نامى، مېھىر-شەپقەت قىلار ئۇ ئىخلاسمەنلەرگە ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە. كۈچلۈك قولىنى سوزۇپ، تارمار قىلدى ھىيلە-مىكىرلىك تەكەببۇرلارنى. تەختىدىن چۈشۈردى ئۇ كۈچلۈك ھۆكۈمدارلارنى، كۆتۈردى ئەرزىمەسلەرنىڭ قەددىنى. سورىغانلىرىنى بەردى ئېھتىياجلىقلارغا، قۇرۇق قول قايتۇردى خۇداغا ئېھتىياجسىز بىز، دەپ قارىغان بايلارنى. قىلغان ۋەدىسىنى ئېسىدە تۇتۇپ، بىز ئىسرائىللارغا رەھىم قىلدى. چۈنكى، ئۇ ئەجدادىمىز ئىبراھىم ھەم ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا ˜ئەۋلادىڭغا مەڭگۈ مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىمەنŒ دەپ ۋەدە قىلغانىدى.» مەريەم ئېلىزابېتنىڭ يېنىدا ئۈچ ئايدەك تۇرۇپ، ئۆز ئۆيىگە قايتتى. ئېلىزابېتنىڭ ئاي-كۈنى توشۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. خۇدانىڭ ئۇنىڭغا شۇنچە كاتتا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان قولۇم-قوشنىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە خۇشاللىققا چۆمدى. بوۋاق تۇغۇلۇپ سەككىز كۈن بولغاندا، ئۇرۇق-تۇغقانلار كېلىپ، بالىنىڭ خەتنىسىنى قىلىپ، ئۇنىڭغا زەكەرىيا دەپ ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى قويماقچى بولۇشتى. بىراق، ئانىسى: - ياق! ئىسمى يەھيا بولسۇن، - دېدى. - بولمايدۇ! ئۇرۇق-جەمەتىڭىز ئىچىدە بۇنداق ئىسىمدىكىلەر يوققۇ! - دېيىشتى ئۇرۇق-تۇغقانلار قارشى تۇرۇپ. ئاندىن، ئۇلار بالىنىڭ ئاتىسىدىن پەرزەنتىگە نېمە ئىسىم قويۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئىشارەت بىلەن سوراشتى. زەكەرىيا بىر پارچە تاختاينى ئەكەلدۈرۈپ، «ئىسمى يەھيا بولسۇن» دەپ يازدى. كۆپچىلىك ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى. دەل شۇ چاغدا، زەكەرىيا قايتا زۇۋانغا كېلىپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشقا باشلىدى. كۆپچىلىك خۇدانىڭ بۇ مۆجىزىسىنى كۆرۈپ، ئەيمىنىپ كەتتى. بۇ خەۋەر يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ تاغلىق رايونلىرىغا تارقالدى. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقۇچىلار: «بۇ بالا كەلگۈسىدە قانداق ئادەم بولار؟» دەپ ئويلاشتى، چۈنكى خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئۇنىڭغا يار ئىدى. ئاندىن، يەھيانىڭ ئاتىسى زەكەرىيا مۇقەددەس روھقا چۆمۈپ، خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈپ، مۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا مەدھىيىلەر ئوقۇلسۇن! چۈنكى، ئۇ شاپائەت قىلىپ، خەلقىنى قۇتقۇزدى. ئەجدادلىرىمىزغا ئىلتىپات ئەيلەپ، مۇقەددەس ئەھدىسىنى ئېسىگە ئالدى. ساڭا كەلسەك، ئەي بالام، سەنمۇ ئۇلۇغ خۇدانىڭ پەيغەمبىرى، دەپ ئاتىلىسەن. رەببىمىزنىڭ يوللىرىنى تەييارلاش ئۈچۈن ھازىرلىغۇچى بولىسەن. ئۇنىڭ خەلقىگە: ˜گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىنىپ قۇتقۇزۇلىسىلەر!Œ دەپ ئۇقتۇرىسەن. يەھيا كۈندىن-كۈنگە چوڭ بولۇپ، روھىي جەھەتتىن يېتىلىپ قالدى. ئۇ ئىسرائىل جامائىتى ئالدىدا خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىشنى باشلىغۇچە، چۆللەردە ياشاپ كەلدى. يەھيا پەيغەمبەر تۇغۇلغان كۈنلەردە، رىم ئىمپېراتورى ئاۋغۇستۇس رىم ئىمپېرىيىسىدىكى بارلىق خەلققە نوپۇس تىزىملاش بۇيرۇقى چۈشۈردى. تۇنجى قېتىملىق بۇ نوپۇس تىزىملاش، كىرىنىينىڭ سۇرىيە ئۆلكىسىگە ۋالىي بولۇپ تۇرغان ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلغانىدى. چۈشۈرۈلگەن بۇيرۇق بويىچە، ھەممە ئادەم نوپۇسقا تىزىملىنىش ئۈچۈن ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىشتى. شۇنىڭ بىلەن، پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان يۈسۈپمۇ جەلىلىيە ئۆلكىسىدىكى ناسىرە شەھىرىدىن ئايرىلىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى پادىشاھ داۋۇتنىڭ يۇرتى بەيتلەھەم يېزىسىغا كەتتى. ئۇ بولغۇسى ئايالى مەريەمنىمۇ تىزىملىنىشقا بىللە ئېلىپ باردى. مەريەم بولسا ھامىلىدار ئىدى. ئۇلار بەيتلەھەم يېزىسىدا تۇرغان ۋاقتىدا مەريەمنىڭ ئاي-كۈنى توشۇپ قالدى. بىراق، سارايلاردا ئۇلارغا ئۆي چىقمىغاچقا، بىر ئاتخانىدا تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. مەريەم شۇ يەردە تۇنجى ئوغلىنى تۇغۇپ، زاكىلاپ، ئاتنىڭ ئوقۇرىغا ياتقۇزدى. بەيتلەھەم يېزىسىنىڭ سەھرالىرىدا بەزى پادىچىلار دالادا تۈنەپ، پادىلىرىغا قارايتتى. شۇ كۈنى، ئۇلارغا خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى كۆرۈنۈپ، خۇدانىڭ پارلاق نۇرى ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى يورۇتۇۋەتتى. ئۇلار ئىنتايىن قورقۇپ كەتتى. بىراق، پەرىشتە ئۇلارغا: - قورقماڭلار! مەن سىلەرگە پۈتۈن خەلقنى خۇشال قىلىدىغان بىر خۇش خەۋەرنى يەتكۈزىمەن. بۈگۈن پادىشاھ داۋۇتنىڭ يۇرتى بەيتلەھەم يېزىسىدا رەببىڭلار بولغان قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ دۇنياغا كەلدى! «ئۇنى قانداق تونۇيالايمىز؟» دەپ سورىساڭلار، ئۇ يەرگە بېرىڭلار. شۇ چاغدا، ئاتنىڭ ئوقۇرىغا ياتقۇزۇلغان زاكىلاقلىق بىر بوۋاقنى كۆرىسىلەر. بۇ سىلەرگە بېرىلگەن بەلگىدۇر، - دېدى. بىردىنلا، ھېلىقى پەرىشتىنىڭ ئەتراپىدا باشقا نۇرغۇنلىغان پەرىشتىلەر پەيدا بولۇپ، خۇدانى مەدھىيىلەپ: «ئەرشىئەلادىكى خۇداغا شان-شەرەپلەر بولسۇن! ئۇنىڭ يەر يۈزىدە يېقىن كۆرگەن بەندىلىرىگە ئامانلىق بولسۇن!» دېيىشتى. پەرىشتىلەر ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئاسمانغا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، پادىچىلار بىر-بىرىگە: - بەيتلەھەم يېزىسىغا بېرىپ، خۇدا بىزگە ئۇقتۇرغان بۇ ۋەقەنى كۆرۈپ كېلەيلى، - دېيىشتى. ئۇلار دەرھال بەيتلەھەمگە بېرىپ، مەريەم بىلەن يۈسۈپنى تېپىپ، ئوقۇردا ياتقان بوۋاقنى كۆردى. پادىچىلار ئەھۋالنى كۆرگەندىن كېيىن، پەرىشتە ئېيتقان بوۋاق ھەققىدىكى سۆزلەرنى كىشىلەرگە يەتكۈزدى. بۇنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى پادىچىلارنىڭ دېگەنلىرىگە ھەيران قېلىشتى. مەريەم بولسا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى كۆڭلىدە ساقلاپ، چوڭقۇر ئويلىدى. پادىچىلار قايتىشىپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشتى. چۈنكى، كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنىڭ ھەممىسى پەرىشتىنىڭ ئېيتقىنىدەك بولۇپ چىققانىدى. بوۋاق تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى، ئۇنىڭ خەتنىسى قىلىندى ۋە ئەيسا دەپ ئىسىم قويۇلدى. بۇ، پەرىشتە ئۇ تېخى ئانىسىنىڭ قورسىقىدا پەيدا بولمىغان ۋاقىتتىلا قويغان ئىسىم ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، خۇدانىڭ تەۋراتتىكى ئەمرى بويىچە، بىر ئايالنىڭ تۇغۇتتىن كېيىن تازىلىنىشى ئۈچۈن، بىر جۈپ پاختەك ياكى ئىككى كەپتەر باچكىسى ئىبادەتخانىدا روھانىيلارنىڭ قۇربانلىق قىلىشىغا ئاپىرىپ بېرىلىشى كېرەك ئىدى. شۇ چاغلاردا، يېرۇسالېمدا شىمون ئىسىملىك بىر كىشى ئۆتكەن بولۇپ، خۇداغا ئىخلاسمەن، دۇرۇس بۇ ئادەم خۇدانىڭ ئىسرائىللارغا تەسەللى بېرىدىغان قۇتقۇزغۇچىنى ئەۋەتىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەنىدى. مۇقەددەس روھ ئۇنىڭغا يار ئىدى. ئۇ مۇقەددەس روھتىن كەلگەن ۋەھىيدىن ئۆزىنىڭ ھايات ۋاقتىدا پەرۋەردىگار تەيىنلىگەن قۇتقۇزغۇچى- مەسىھنى كۆرەلەيدىغانلىقىنى بىلگەنىدى. يۈسۈپ بىلەن مەريەم ئىبادەتخانىغا بارغان كۈنى، مۇقەددەس روھ شىموننىمۇ ئىبادەتخانىغا باشلاپ باردى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئاتا-ئانىسى بالىنى كۆتۈرۈپ كىرىپ، تەۋراتتا بەلگىلەنگەن ئىشلارنى ئادا قىلماقچى بولۇۋاتقاندا، شىمون ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ بالىنى قۇچىقىغا ئېلىپ، خۇداغا مۇنداق مەدھىيە ئوقۇدى: «ئى ئىگەم، سۆزۈڭدە تۇرۇپسەن. ئەمدى بۇ ئالەمدىن كەتسەم، رازىمەن. چۈنكى، دېگىنىڭدەك ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم پۈتۈن ئىنسانلارغا ھازىرلىغان قۇتقۇزغۇچىڭنى. ئۇ سېنىڭ كىملىكىڭنى پۈتۈن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە بىلدۈرىدىغان نۇردۇر، خەلقىڭ ئىسرائىللارنىڭ شان-شەرىپىدۇر!» بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى شىموننىڭ بالا ھەققىدە ئېيتقانلىرىغا ھەيران قېلىشتى. شىمون ئۇلارغا بەخت تىلەپ، مەريەمگە مۇنداق دېدى: - مانا! بۇ بالا خۇدا تەرىپىدىن ئىسرائىلىيىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھالاك بولۇشى ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن تەيىنلەندى. گەرچە ئۇ خۇدانىڭ بېشارىتى بولسىمۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ھاقارەتلەپ رەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى مەخپىي غەرەزلەر ئاشكارىلىنىدۇ. ئۇنىڭ رەت قىلىنىشى بىلەن، سېنىڭ يۈرىكىڭگە ئۆتكۈر بىر قىلىچ سانجىلغاندەك، قەلبىڭ قايغۇدىن ئۆرتىنىدۇ. ئىبادەتخانىدا ئاشېر قەبىلىسىدىن بولغان پانۇئىلنىڭ قىزى ھاننا ئىسىملىك ياشانغان بىر ئايال پەيغەمبەرمۇ بار بولۇپ، ئۇ توي قىلىپ، ئېرى بىلەن يەتتە يىل بىللە ياشاپ، كېيىن تۇل قالغانىدى. ئۇ سەكسەن تۆت ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدىن چىقماي، روزا تۇتۇپ، كېچە-كۈندۈز دۇئا قىلىپ، خۇداغا ئىبادەت قىلاتتى. شىمون گېپىنى تۈگىتىشى بىلەن، ھاننا يېتىپ كېلىپ خۇداغا شۈكۈر ئېيتتى، ھەمدە ئىسرائىللارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشىنى كۈتۈۋاتقان بارلىق خالايىققا بالا توغرىسىدا سۆز قىلدى. يۈسۈپ بىلەن مەريەم تەۋراتتا بەلگىلەنگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، جەلىلىيە ئۆلكىسىدىكى ئۆز يۇرتى ناسىرە شەھىرىگە قايتتى. ھەزرىتى ئەيسا چوڭ بولغانسېرى ساغلام ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك بولۇپ يېتىشتى. خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىمۇ ئۇنىڭغا يار بولۇپ كەلدى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئاتا-ئانىسى ھەر يىلى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا يېرۇسالېمغا باراتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئون ئىككى ياشقا كىرگەن يىلى، ئۇلار ئۇنى ئېلىپ، ئادىتى بويىچە يېرۇسالېمغا يەنە باردى. ھېيت تۈگىگەندىن كېيىن، ئاتا-ئانىسى ئۆيىگە قاراپ يول ئالدى، ھەزرىتى ئەيسا بولسا يېرۇسالېمدا قالدى. بۇ ئىشتىن ئاتا-ئانىسىنىڭ خەۋىرى يوق ئىدى، چۈنكى ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى ھەمراھلىرى بىلەن بىللە كېلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلىغانىدى. بىر كۈن يول يۈرگەندىن كېيىن، ئۇلار تۇغقان-بۇرادەرلىرى ئارىسىدىن ئۇنى ئىزدەشكە باشلىدى. ئىزدەپ تاپالمىغاندىن كېيىن، كەينىگە يېنىپ يېرۇسالېمغا بېرىپ ئىزدىدى. ئۈچىنچى كۈنى، ھەزرىتى ئەيسانى مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىدا تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تەلىملىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلاردىن سوئال سوراۋاتقاننىڭ ئۆزىدە تاپتى. ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئەقلىگە ۋە بەرگەن جاۋابلىرىغا ھەيران قېلىشتى. ئاتا-ئانىسىمۇ بۇنى كۆرۈپ ناھايىتى ھەيران قېلىشتى، بىراق ئانىسى ئۇنىڭغا: - ۋاي بالام! نېمىشقا بىزگە ئۇقتۇرماي قېلىپ قالدىڭ؟ داداڭ ئىككىمىز سەندىن بەك ئەنسىرەپ، ئىزدىمىگەن يېرىمىز قالمىدى! - دېدى. - ئىزدەشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ ئەجەبا، سىلەر مېنىڭ چوقۇم ئاتامنىڭ ئۆيىدە بولىدىغانلىقىمنى بىلمەمتىڭلار؟ - دەپ جاۋاب بەردى ھەزرىتى ئەيسا. لېكىن، ئۇلار بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلار بىلەن ناسىرە شەھىرىگە قايتتى. ئۇ ھەرقانداق ئىشتا ئاتا-ئانىسىنىڭ گېپىگە كىرەتتى. ئانىسى يۈز بەرگەن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى كۆڭلىدە چىڭ ساقلىدى. شۇنداق قىلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ بوي-تۇرقى ۋە ئەقىل-پاراسىتى يېتىلىپ، خۇدانىڭ ۋە كىشىلەرنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان بولدى. خۇدادىن كەلگەن ۋەھىي بويىچە، يەھيا پەيغەمبەر ئىئوردان دەرياسى ۋادىسىدىكى رايونلارنى كېزىپ يۈرۈپ: - يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىڭلار! توۋا قىلغانلىقىڭلارنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار. شۇنداق قىلغاندا، خۇدا سىلەرنى كەچۈرۈم قىلىدۇ! - دەپ جاكارلىدى. بۇ ھەقتە يەشايا پەيغەمبەر مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دەپ يازغانىدى: «باياۋاندا بىر كىشى: ˜دىلىڭلارنى رەببىمىزنىڭ كېلىشىگە تەييار قىلىڭلار! ئۇنىڭ يوللىرىنى تۈز قىلىڭلار! جىلغىلار تولدۇرۇلىدۇ، چوڭ-كىچىك تاغلار پەسلىتىلىدۇ، ئەگرى يوللار تۈزلىنىدۇ، ئېگىز-پەس يوللار تەكشىلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ، پۈتۈن ئىنسان خۇدانىڭ قۇتقۇزۇش يولىنى كۆرەلەيدىغان بولىدۇ!Œ دەپ توۋلايدۇ.» خالايىق يەھيا پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن. توپ-توپ بولۇپ كېلىشتى. بىراق، يەھيا پەيغەمبەر ئۇلارغا: - ئەي ساختىپەز يىلانلار! توۋا قىلماي، خۇدادىن كېلىدىغان غەزەپتىن قېچىپ قۇتۇلۇش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلايلى، دېگىنىڭلار قانداق گەپ؟! ئەگەر «گۇناھلىرىمىزغا توۋا قىلدۇق» دېسەڭلار، ئۇنى ھەرىكىتىڭلار بىلەن ئىسپاتلاڭلار. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆزۈڭلارچە «بىز ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خۇدا گۇناھلىرىمىزنى چوقۇم كەچۈرىدۇ» دەپ ئويلاپ يۈرمەڭلار! خۇدا بوۋىمىز ئىبراھىمغا مۇشۇ تاشلاردىنمۇ پەرزەنتلەرنى يارىتىپ بېرەلەيدۇ. پالتا دەرەخنىڭ يىلتىزىغا يېقىنلاشقاندەك، خۇدانىڭ غەزىپى ئەمدى سىلەرگە يېتىپ كېلىش ئالدىدا. ياخشى مېۋە بەرمەيدىغان دەرەخلەر كېسىلىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ، - دېدى. كۆپچىلىك ئۇنىڭدىن: - ئۇنداقتا، بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ - دەپ سورىدى. - ئىككى قۇر كىيىمى بارلار بىر قۇرىنى يوقلارغا بەرسۇن، يەيدىغىنى بارلارمۇ شۇنداق قىلسۇن، - دەپ جاۋاب بەردى يەھيا پەيغەمبەر. خەلقنى گوللايدىغان بەزى باجگىرلارمۇ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغىلى يەھيا پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ: - ئۇستاز، بىز قانداق قىلىمىز؟ - دەپ سورىدى. - بەلگىلەنگەندىن ئارتۇق باج ئالماڭلار، - دېدى يەھيا پەيغەمبەر ئۇلارغا. بەزى لەشكەرلەرمۇ ئۇنىڭدىن: - بىزچۇ؟ قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ - دەپ سوراشتى. يەھيا پەيغەمبەر ئۇلارغا: - باشقىلارنىڭ پۇلىنى زورلۇق ياكى تۆھمەتلەر بىلەن ئېلىۋالماڭلار. ئىش ھەققىڭلارغا رازى بولۇڭلار، - دېدى. خەلق قۇتقۇزغۇچى- مەسىھنىڭ كېلىشىنى ئۈمىد بىلەن كۈتمەكتە ئىدى. ھەممەيلەن يەھيا پەيغەمبەرنى كۆرۈپ، ئىچىدە «قۇتقۇزغۇچى مۇشۇ كىشىمىدۇ؟» دەپ ئويلاشتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، يەھيا پەيغەمبەر ئۇلارغا: - مەن سىلەرنى سۇغىلا چۆمۈلدۈرىمەن. لېكىن، مەندىن كېيىن تېخىمۇ قۇدرەتلىك بىرى كېلىدۇ. مەن ھەتتا ئۇنىڭ ئايىغىنىڭ يىپلىرىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن. ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا ھەم ئوتقا چۆمۈلدۈرىدۇ. ئۇ قولىدىكى كۈرەك بىلەن خاماندىكى ساپ بۇغداينى ئامبارغا، سامىنىنى ئۆچمەس ئوتقا تاشلايدىغان ئادەمگە ئوخشاش ھەممە ئىنساننى ئايرىپ چىقىدۇ، - دېدى. يەھيا پەيغەمبەر ھەر خىل يوللار بىلەن خەلققە نەسىھەت قىلدى ۋە خۇش خەۋەر يەتكۈزدى. ئۇنىڭدىن باشقا، يەھيا پەيغەمبەر ھىرود خاننى ئۆگەي ئاكىسىنىڭ ئايالى ھىرودىيەنى تارتىۋالغانلىقى ۋە نۇرغۇنلىغان يامان ئىشلارنى قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلىدى. نەتىجىدە، ھىرود خان تېخىمۇ يامان ئىشتىن بىرنى قىلدى، يەنى يەھيا پەيغەمبەرنى زىندانغا تاشلىدى. يەھيا پەيغەمبەر زىندانغا تاشلىنىشتىن بۇرۇن، نۇرغۇن ئادەم ئۇنىڭدىن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغانىدى. شۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسامۇ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. ئۇ دۇئا قىلىۋاتقاندا، ئاسمان يېرىلدى. مۇقەددەس روھ كەپتەر ھالىتىدە ئاسماندىن چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قوندى. ئاندىن، ئەرشتىن خۇدانىڭ: «سەن مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن سەندىن خۇرسەنمەن!» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. ھەزرىتى ئەيسا خۇدا يولىدا خىزمەت قىلىشقا كىرىشكەن ۋاقىتتا، ئوتتۇز ياشلاردا ئىدى. كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇ يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئىدى. يۈسۈپ ئېلىينىڭ ئوغلى، ئېلىي مەتتاتنىڭ ئوغلى، مەتتات لاۋىينىڭ ئوغلى، لاۋىي مەلكىينىڭ ئوغلى، مەلكىي يانناينىڭ ئوغلى، يانناي يۈسۈپنىڭ ئوغلى، يۈسۈپ ماتاتىيانىڭ ئوغلى، ماتاتىيا ئاموسنىڭ ئوغلى، ئاموس ناھۇمنىڭ ئوغلى، ناھۇم ھېسلىنىڭ ئوغلى، ھېسلى ناغاينىڭ ئوغلى، ناغاي ماھاتنىڭ ئوغلى، ماھات ماتاتىيانىڭ ئوغلى، ماتاتىيا شىمىينىڭ ئوغلى، شىمىي يوسېخنىڭ ئوغلى، يوسېخ يۇدانىڭ ئوغلى، يۇدا يوئاناننىڭ ئوغلى، يوئانان رېسانىڭ ئوغلى، رېسا زېرۇبابىلنىڭ ئوغلى، زېرۇبابىل شالتىيەلنىڭ ئوغلى، شالتىيەل نەرىينىڭ ئوغلى، نەرىي مەلكىينىڭ ئوغلى، مەلكىي ئادىنىڭ ئوغلى، ئادى قوسامنىڭ ئوغلى، قوسام ئېلمادامنىڭ ئوغلى، ئېلمادام ئېرنىڭ ئوغلى، ئېر يەشۇنىڭ ئوغلى، يەشۇ ئېلىيەزەرنىڭ ئوغلى، ئېلىيەزەر يورىمنىڭ ئوغلى، يورىم مەتتاتنىڭ ئوغلى، مەتتات لاۋىينىڭ ئوغلى، لاۋىي شىموننىڭ ئوغلى، شىمون يەھۇدانىڭ ئوغلى، يەھۇدا يۈسۈپنىڭ ئوغلى، يۈسۈپ يونامنىڭ ئوغلى، يونام ئەلياقىمنىڭ ئوغلى، ئەلياقىم مېلېئاھنىڭ ئوغلى، مېلېئاھ مەننانىڭ ئوغلى، مەننا ماتاتانىڭ ئوغلى، ماتاتا ناتاننىڭ ئوغلى، ناتان داۋۇتنىڭ ئوغلى، داۋۇت يىشاينىڭ ئوغلى، يىشاي ئوبىدنىڭ ئوغلى، ئوبىد بوئازنىڭ ئوغلى، بوئاز سالموننىڭ ئوغلى، سالمون ناھشوننىڭ ئوغلى، ناھشون ئاممىنادابنىڭ ئوغلى، ئاممىناداب رامنىڭ ئوغلى، رام ھېسروننىڭ ئوغلى، ھېسرون پارەسنىڭ ئوغلى، پارەس يەھۇدانىڭ ئوغلى، يەھۇدا ياقۇپنىڭ ئوغلى، ياقۇپ ئىسھاقنىڭ ئوغلى، ئىسھاق ئىبراھىمنىڭ ئوغلى، ئىبراھىم تەراھنىڭ ئوغلى، تەراھ ناھورنىڭ ئوغلى، ناھور سېرۇخنىڭ ئوغلى، سېرۇخ راغۇنىڭ ئوغلى، راغۇ پەلەگنىڭ ئوغلى، پەلەگ ئەبەرنىڭ ئوغلى، ئەبەر شالاھنىڭ ئوغلى، شالاھ قېناننىڭ ئوغلى، قېنان ئارپاخشادنىڭ ئوغلى، ئارپاخشاد سامنىڭ ئوغلى، سام نۇھنىڭ ئوغلى، نۇھ لامىكنىڭ ئوغلى، لامىك مەتۇشەلاھنىڭ ئوغلى، مەتۇشەلاھ ھانۇخنىڭ ئوغلى، ھانۇخ يارېتنىڭ ئوغلى، يارېت ماھالالىلنىڭ ئوغلى، ماھالالىل قېناننىڭ ئوغلى، قېنان ئېنوشنىڭ ئوغلى، ئېنوش شىتنىڭ ئوغلى، شىت ئادەم~ئاتىنىڭ ئوغلى، ئادەم~ئاتا بولسا، خۇدانىڭ ئوغلى ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا مۇقەددەس روھقا چۆمۈپ، ئىئوردان دەرياسىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مۇقەددەس روھ ئۇنى چۆل-باياۋانغا ئېلىپ باردى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردە قىرىق كۈن شەيتان تەرىپىدىن سىنالدى. ئۇ بۇ جەرياندا ھېچ نەرسە يېمىدى. بۇ ۋاقىت توشقاندا، ئۇنىڭ قورسىقى تازا ئاچقانىدى. بۇنى بىلگەن شەيتان ئۇنىڭغا: - ئەگەر سەن راستتىنلا خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، مۇشۇ تاشنى نانغا ئايلاندۇرۇپ يە! - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: - تەۋراتتا: «ئىنسان پەقەت نان بىلەنلا ياشىمايدۇ» دەپ يېزىلغان، - دېدى. شەيتان يەنە ئۇنى ئېگىز جايغا چىقىرىپ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇنىڭغا دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنى كۆرسىتىپ: ھەزرىتى ئەيسا جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى: - تەۋراتتا: «رەببىڭلار بولغان خۇداغىلا ئىبادەت قىلىڭلار، پەقەت ئۇنىڭغىلا خىزمەت قىلىڭلار!» دېيىلگەن. ئاندىن، شەيتان ھەزرىتى ئەيسانى يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى ۋە مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئېگىز جايىغا چىقىرىپ، مۇنداق دېدى: - خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، مۇشۇ يەردىن سەكرەپ باققىنا! چۈنكى، تەۋراتتا: «خۇدا پەرىشتىلىرىگە سېنى قوغداش توغرۇلۇق ئەمر قىلغان، پۇتۇڭنىڭ تاشلارغا ئۇرۇلماسلىقى ئۈچۈن، سېنى قوللىرىدا تۇتۇۋالىدۇ» دەپ يېزىلغان ئەمەسمۇ؟ - تەۋراتتا: «رەببىڭلار خۇدانى سىناپ بېقىشقا بولمايدۇ!» دەپمۇ يېزىلغان، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. شەيتان ھەر خىل ئۇسۇلدا ھەزرىتى ئەيسانى سىناپ ئازدۇرالمىغاندىن كېيىن، ئۇنى ۋاقتىنچە تاشلاپ كېتىپ قالدى. ھەزرىتى ئەيسا مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە چۆمگەن ھالدا جەلىلىيە ئۆلكىسىگە قايتىپ كەلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇنىڭ نامى شۇ ئەتراپتىكى رايونلارغا تارقالدى. ئۇ ئىبادەتخانىلاردا كىشىلەرگە تەلىم بېرىپ، ئۇلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. ئۇ ئۆز يۇرتى ناسىرە شەھىرىگە كېلىپ، دەم ئېلىش كۈنى ئادەتتىكىدەك ئىبادەتخانىغا باردى. ئۇ ئۆرە تۇرۇپ مۇقەددەس يازمىلارنى ئوقۇماقچى بولغاندا، ئىبادەتخانا خىزمەتچىسى ئۇنىڭغا يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىنى بەردى. ئۇ ئۇنى ئېچىپ، مۇنۇ ئايەتلەر يېزىلغان يەرنى تېپىپ ئوقۇدى: ھەزرىتى ئەيسا يازمىنى يېپىپ ئىبادەتخانا خىزمەتچىسىگە قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، تەلىم بەرگىلى ئولتۇردى. پۈتۈن ئىبادەتخانىدىكىلەر كۆزلىرىنى ئۇنىڭدىن ئۈزمەي قاراپ ئولتۇرۇشتى. ئۇ كۆپچىلىككە: - سىلەر ئاڭلىغان بۇ ئايەت بۈگۈن ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، - دېدى. بۇنى ئاڭلىغان كۆپچىلىك ئۇنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىشتى ۋە ئۇنىڭ مېھىر-شەپقەتلىك سۆزلىرىگە ھەيران قېلىشتى. بىراق، بەزىلەر: - قانداق گەپ؟ بۇ يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەمەسمۇ؟ - دېيىشتى. ھەزرىتى ئەيسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: - سىلەر چوقۇم ماڭا «ئەي تېۋىپ، ئاۋۋال ئۆزۈڭنى ساقايت!» دېگەن تەمسىلنى ئەسلىتىپ، «كەپەرناھۇم شەھىرىدە ياراتقان مۆجىزىلىرىڭدىن خەۋەر تاپتۇق. ئەمدى ئۆز يۇرتۇڭدىمۇ بىرەر كارامەت كۆرسەتمەمسەن؟» دېمەكچى بولۇۋاتىسىلەر. بىراق شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، ھېچقانداق پەيغەمبەر ئۆز يۇرتىدا ھەرگىز قارشى ئېلىنمايدۇ. ئىلياس پەيغەمبەر ۋاقتىدا، ئۇدا ئۈچ يىل ئالتە ئاي يامغۇر ياغماي، ئىسرائىلىيىنىڭ ھەممە يېرىدە قۇرغاقچىلىق يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇ يەردىمۇ ئاچارچىلىقتا قالغان نۇرغۇن بىچارە تۇل ئاياللار بار ئىدى. بىراق، ئۇلار خۇدانى رەت قىلغاچقا، گەرچە ئىلياس پەيغەمبەر يەھۇدىي بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىلمىگەن. ئەكسىچە، سىدون ۋىلايىتىنىڭ سەرەپەت شەھىرىدىكى يەھۇدىي بولمىغان ھېلىقى تۇل ئايالغىلا مۆجىزە كۆرسىتىشكە ئەۋەتىلگەن. يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش، ئېلىشا پەيغەمبەر زامانىدا، ئىسرائىلىيىدە ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار نۇرغۇن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار خۇدانى رەت قىلغاچقا، ئېلىشا پەيغەمبەر ھېلىقى سۇرىيىلىك نامان ئىسىملىك يەھۇدىي بولمىغان كىشىنىلا ساقايتىشقا ئەۋەتىلگەن! - دېدى. ئىبادەتخانىدىكىلەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ «خۇدا ئەمدى سىلەرگە ئەمەس، بەلكى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىدۇ!» دېمەكچى بولغانلىقىنى بىلىپ، دەرغەزەپكە كەلدى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇشۇپ، ھەزرىتى ئەيسانى يار ئۈستىگە قۇرۇلغان بۇ شەھەرنىڭ سىرتىغا ھەيدەپ ئاپىرىپ، ياردىن يىقىتىپ ئۆلتۈرمەكچى بولۇشتى. بىراق، ھەزرىتى ئەيسا كىشىلەر ئارىسىدىن بىمالال مېڭىپ چىقىپ كەتتى. ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىنىڭ كەپەرناھۇم شەھىرىگە قايتىپ باردى. ئۇ يەردە يەھۇدىيلار دەم ئالىدىغان شەنبە كۈنى ئىبادەتخانىغا بېرىپ، خەلققە تەلىم بېرىپ تۇردى. ئۇنىڭ تەلىمىنى ئاڭلىغانلار ھەيران قېلىشتى. چۈنكى، ئۇنىڭ تەلىملىرى نوپۇزلۇق ئىدى. ئىبادەتخانىدا جىن چاپلاشقان بىر كىشى بولۇپ، ئۇنىڭدىكى جىنلار: - ئەي ناسىرەلىك ئەيسا، بىز بىلەن كارىڭ بولمىسۇن! بىزنى يوقاتماقچىمۇسەن؟ مەن سېنىڭ كىملىكىڭنى بىلىمەن. خۇدا ئەۋەتكەن مۇقەددەس بولغۇچىسەن! - دەپ توۋلاپ كەتتى. بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭدىكى جىنغا بۇيرۇق قىلىپ: - ئاغزىڭنى يۇم، بۇ ئادەمنىڭ تېنىدىن چىق! - دېدى. جىن ھېلىقى ئادەمنى كىشىلەر ئالدىدىلا يىقىتىۋېتىپ، ئۇنى ھېچنېمە قىلماي تېنىدىن چىقىپ كەتتى. بۇنىڭدىن ھەيران بولغان كۆپچىلىك بىر-بىرىگە: - ئۇنىڭ سۆزلىرى نېمىدېگەن كۈچلۈك! ئۇ دەرۋەقە جىنلارغا بۇيرۇق قىلىش نوپۇزى ۋە قۇدرىتىگە ئىگە ئىكەن! جىنلار راستتىنلا چىقىپ كەتتى، - دېيىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسانىڭ نامى شۇ ئەتراپتىكى رايونلارغا تارقىلىپ كەتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئىبادەتخانىدىن چىقىپ سىمۇننىڭ ئۆيىگە بارغاندا، سىمۇننىڭ قېينانىسى كېسەل بولۇپ، قىزىتمىسى ئۆرلەپ قالغانىدى. شۇڭا، ئۇلار ھەزرىتى ئەيسادىن ئۇنى ساقايتىپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپ سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا كېسەل ئايالنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ قىزىتمىسىنىڭ يېنىشىنى بۇيرۇدى. قىزىتما شۇ ئان يېنىپ كەتتى. ئۇ ئايال دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلارنى كۈتۈشكە باشلىدى. كۈن پېتىش ۋاقتىدا، كىشىلەر ھەر خىل كېسەللەرنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا قولىنى بىر-بىرلەپ تەگكۈزۈپ قويغانىدى، ئۇلار ساقىيىپ كەتتى. كىشىلەرنىڭ تېنىدىن چىققان جىنلار: «سەن خۇدانىڭ ئوغلى!» دەيتتى. چۈنكى، ئۇلار ئۇنىڭ قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. بىراق، ھەزرىتى ئەيسا بولسا ئۇلارنى ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ گەپ قىلىشىغا يول قويمىدى. تاڭ ئاتقاندا، ھەزرىتى ئەيسا شەھەردىن چىقىپ، تىنچ بىر جايغا كەتتى. كۆپچىلىك ئۇنى ئىزدەپ يۈرۈپ، ئاخىر تاپتى ۋە ئۇنى كەتكۈزمەي ئۆزلىرى بىلەن بىللە تۇرغۇزماقچى بولۇشتى. لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - باشقا شەھەر-يېزىلارغىمۇ بېرىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا دائىر خۇش خەۋەرنى تارقىتىشىم كېرەك. چۈنكى، خۇدا مېنى بۇ خىزمەت بىلەن ئەۋەتكەن، - دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا يەھۇدىيلارنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىكى ئىبادەتخانىلاردا تەلىم بەردى. بىر كۈنى ھەزرىتى ئەيسا گىنەسار كۆلىنىڭ بويىدا تۇرغاندا، كىشىلەر ئۇنىڭدىن خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئولاشتى. ھەزرىتى ئەيسا كۆل بويىدا تۇرغان ئىككى كېمىنى كۆردى. بېلىقچىلار كېمىدىن چۈشۈپ، قىرغاقتا تورلىرىنى يۇيۇشۇۋاتاتتى. ھەزرىتى ئەيسا بېلىقچى سىمۇننىڭ كېمىسىگە چىقىپ، ئۇنىڭدىن كېمىنى قىرغاقتىن سەل يىراقلىتىشنى تەلەپ قىلدى. ئاندىن، ئۇ كېمىدە ئولتۇرۇپ خالايىققا تەلىم بەردى. تەلىم بېرىپ بولغاندىن كېيىن، سىمۇنغا: - كېمىنى چوڭقۇرراق يەرگە ھەيدەپ بېرىپ، تورلىرىڭلارنى سېلىپ، بېلىقىڭلارنى تۇتۇڭلار، - دېدى. - ئۇستازىم، بىز كېچىچە جاپا تارتىپ ھېچ نەرسە تۇتالمىدۇق، - دېدى سىمۇن، - بىراق، دېگىنىڭىزگە بىنائەن تورنى سالساق سالايلى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار تورلىرىنى كۆلگە سېلىۋىدى، بېلىقلار تورغا پاتماي قېلىپ، تورلار يىرتىلىشقا باشلىدى. ئۇلار باشقا كېمىدىكى شېرىكلىرىنى ياردەمگە چاقىرىشتى. ئۇلار كېلىپ، بېلىقلارنى ئىككى كېمىگە لىق قاچىلىۋىدى، كېمىلەر بېلىقنىڭ جىقلىقىدىن چۆكۈپ كەتكىلى تاس قالدى. بۇ ئىشنى كۆرگەن سىمۇن ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ تۇرۇپ: - ئى رەببىم، مەندىن يىراقلىشىڭ، گۇناھكارمەن! - دېدى. چۈنكى، سىمۇن ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى بۇنچىۋالا كۆپ بېلىق تۇتقانلىقىدىن ھەيران بولغانىدى. باشقا كېمىدىكى شېرىكلىرى - زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ياقۇپ بىلەن يۇھاننامۇ ھەيران بولدى. ھەزرىتى ئەيسا سىمۇنغا: - قورقما، بۇنىڭدىن كېيىن بېلىق تۇتۇشنىڭ ئورنىغا، ماڭا ئادەم تۇتىسەن، - دېدى. ئۇلار كېمىنى قىرغاققا توختىتىپ، ھەممە نەرسىنى تاشلاپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئەگىشىپ ماڭدى. بىر قېتىم، ھەزرىتى ئەيسا مەلۇم بىر شەھەرگە بارغاندىن كېيىن، پۈتۈن بەدىنىنى ماخاۋ قاپلاپ كەتكەن بىر كىشى ئۇنى كۆرۈپلا ئۇنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ: - تەقسىر، ئەگەر خالىسىڭىز، مېنى كېسىلىمدىن ساقايتىپ پاك قىلغايسىز! - دەپ يالۋۇردى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزۈپ تۇرۇپ: - خالايمەن، پاك بولغىن! - دېۋىدى، بۇ ئادە منىڭ بەدىنىدىكى ماخاۋ كېسىلى شۇئان ساقايدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ھازىر بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنما. لېكىن، ئۇدۇل مەركىزىي ئىبادەتخانىغا بېرىپ، روھانىيغا ئۆزۈڭنىڭ ساقايغانلىقىڭنى كۆرسەت. ئاندىن، بۇنى باشقىلارغا ئىسپاتلاش ئۈچۈن، مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئەمرى بويىچە ماخاۋ كېسىلىدىن ساقايغانلار قىلىشقا تېگىشلىك قۇربانلىقنى قىل، - دەپ تاپىلىدى. گەرچە ھەزرىتى ئەيسا: «بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنما» دېگەن بولسىمۇ، ئۇ توغرىسىدىكى خەۋەر تېخىمۇ پۇر كەتتى. نۇرغۇن خەلق ئۇنىڭ تەلىمىنى ئاڭلاش ۋە ئۆز كېسەللىرىنى ساقايتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلەتتى. ھەزرىتى ئەيسا بولسا پات-پات تىنچ يەرلەرگە بېرىپ دۇئا قىلاتتى. بىر كۈنى ھەزرىتى ئەيسا تەلىم بېرىۋاتقاندا، ئۇنىڭ يېنىدا پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ئولتۇراتتى. ئۇلار جەلىلىيە، يەھۇدىيە ئۆلكىلىرىنىڭ ھەرقايسى يېزا-قىشلاقلىرى ۋە يېرۇسالېمدىن كەلگەنىدى. رەببىمىزنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ھەزرىتى ئەيساغا يار بولغاچقا، كېسەللەرنى ساقايتىۋاتاتتى. شۇ ئەسنادا، بىرقانچە كىشى زەمبىلگە ياتقۇزۇلغان بىر پالەچنى كۆتۈرۈپ كېلىپ، ئۇنى ئۆينىڭ ئىچىدىكى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئەكىرىشكە تىرىشتى، بىراق، ئادەمنىڭ تولىلىقىدىن كېسەلنى ئەكىرەلمەي، ئۆگزىگە ئېلىپ چىقىپ، ئۆگزىدىن تۈڭلۈك ئېچىپ، كېسەلنى ئۆينىڭ ئىچىگە زەمبىلدە چۈشۈرۈپ، خالايىقنىڭ ئارىسىدا تۇرغان ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئەكەلدى. ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى كۆرگەن ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى پالەچكە: - دوستۇم، گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى! - دېدى. ھېلىقى تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر بىر-بىرىگە: - قورقماستىن بۇنداق كۇپۇر سۆزلىگەن بۇ ئادەم كىمدۇر؟! خۇدادىن باشقا ھېچكىمنىڭ گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقى يوققۇ! - دېيىشتى. ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - سىلەر بۇنى نېمە ئۈچۈن كۇپۇرلۇق دەيسىلەر؟ ھېلىقى ئادەم دەرھال كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئۆزى ياتقان زەمبىلنى ئېلىپ، خۇدانى مەدھىيىلىگىنىچە ئۆيىگە قايتتى. بۇنىڭغا ھەيران بولغان كۆپچىلىكمۇ خۇدانى مەدھىيىلەشتى ۋە ھاڭ-تاڭ قالغان ھالدا: - بۈگۈن بىز ئەقلىمىز يەتمەيدىغان ئىشلارنى كۆردۇق! - دېيىشتى. بۇ ئىشتىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن چىقىپ، لاۋىي ئىسىملىك بىر باجگىرنى كۆردى. ئۇ باج يىغىدىغان جايدا ئولتۇراتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ماڭا ئەگەشكىن! - دېدى. لاۋىي ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىشىنى تاشلاپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئەگەشتى. شۇ كۈنى، لاۋىي ئۆيىدە ھەزرىتى ئەيساغا كاتتا زىياپەت بەردى. تەكلىپ قىلىنغان نۇرغۇن باجگىرلار ۋە ئۇلارغا ئوخشاش كىشىلەرمۇ ھەزرىتى ئەيسا ۋە شاگىرتلىرى بىلەن ھەمداستىخان بولدى. كېيىن، بەزى پەرىسىيلەر ۋە ئۇلارنىڭ دىنىي ئېقىمىدىكى بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى رەنجىگەن ھالدا ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا: - سىلەرنىڭ باجگىر ۋە گۇناھكارلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغىنىڭلار قانداق گەپ؟! - دېيىشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - ساغلام ئادەم ئەمەس، بەلكى كېسەل ئادەم تېۋىپقا موھتاجدۇر. مەن ئۆزلىرىنى دۇرۇس ھېسابلايدىغانلارنى ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تونۇيدىغانلارنى توۋا قىلىشقا چاقىرغىلى كەلدىم، - دەپ جاۋاب بەردى. بەزى كىشىلەر ھەزرىتى ئەيساغا: - يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى پات-پات روزا تۇتۇپ دۇئا قىلىدۇ. پەرىسىيلەرنىڭ شاگىرتلىرىمۇ شۇنداق قىلىدۇ. سىزنىڭ شاگىرتلىرىڭىز ئەجەب يەپ-ئىچىپلا يۈرىدىغۇ! - دېيىشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - تويى بولۇۋاتقان يىگىت تېخى توي زىياپىتىدە تۇرغان چاغدا، مېھمانلار ھەسرەت چېكىۋاتقان ئادەملەردەك روزا تۇتسا قانداق بولغىنى؟! ئەلۋەتتە بولمايدۇ! ئەمما، يىگىتنىڭ ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدىغان كۈنى كېلىدۇ، ئۇلار ئەنە شۇ چاغدا قايغۇ-ھەسرەت چەككىنىدىن روزا تۇتىدۇ، - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە بىر تەمسىل كەلتۈردى: - ھېچكىم يېڭى كۆڭلىكىنى يىرتىپ، ئۇنى كونا كۆڭلىكىگە ياماق قىلمايدۇ. ئۇنداق قىلسا، يېڭى كۆڭلەكمۇ يىرتىلىدۇ، يىرتىۋېلىنغان ياماقمۇ كونا كۆڭلەككە ياراشمايدۇ. شۇنىڭدەك، ھېچكىم يېڭى شارابنى كونا تۇلۇمغا قاچىلىمايدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلسا، يېڭى شارابنىڭ كۆپۈشى بىلەن تۇلۇم يېرىلىدۇ-دە، شارابمۇ تۆكۈلۈپ كېتىدۇ. دېمەك، تۇلۇممۇ كاردىن چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، يېڭى شارابنى يېڭى تۇلۇمغا قاچىلاش كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كونا شاراب ئىچىپ يۈرگەن ھەرقانداق ئادەم يېڭىسىنى ئىچىشنى خالىمايدۇ. «بولدى، كونىسى ياخشى ئىكەن!» دەيدۇ. بىر دەم ئېلىش كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا بۇغدايلىقتىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى باشاقلارنى ئۈزۈۋېلىپ، ئالىقىنىدا ئۇۋۇلاپ يېدى. بۇنى كۆرگەن بەزى پەرىسىيلەر: - سىلەر نېمىشقا دەم ئېلىش كۈنى چەكلەنگەن ئىشنى قىلىسىلەر، - دېيىشتى. ھەزرىتى ئەيسا: - پادىشاھ داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ئاچ قالغاندا قانداق قىلغانلىقىنى مۇقەددەس يازمىلاردىن ئوقۇمىغانمۇ؟ قېنى ئېيتىپ بېقىڭلار! ئۇ ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس جايغا كىرىپ، خۇداغا ئاتالغان نانلارنى روھانىيدىن سوراپ يېگەن ۋە ھەمراھلىرىغىمۇ ئۈلەشتۈرۈپ بەرگەن. ھالبۇكى، بۇ نانلارنى روھانىيلاردىن باشقا ھەرقانداق كىشىنىڭ يېيىشى تەۋرات قانۇنىغا خىلاپ ئىدى، - دەپ جاۋاب بەردى ۋە خۇلاسە چىقىرىپ، ئۇلارغا: - مەن ئىنسانئوغلى دەم ئېلىش كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇرمەن، - دېدى. يەنە بىر دەم ئېلىش كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا ئىبادەتخانىغا كىرىپ تەلىم بېرىۋاتاتتى. ئىبادەتخانىدا ئوڭ قولى قۇرۇپ كەتكەن بىر ئادەم بار ئىدى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىش ئۈچۈن باھانە ئىزدەپ يۈرگەن تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر ئۇنىڭ دەم ئېلىش كۈنىمۇ كېسەل ساقايتىدىغان-ساقايتمايدىغانلىقىنى پايلاپ يۈرۈشەتتى. بىراق، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا قولى قۇرۇپ كەتكەن ھېلىقى كېسەلگە: - ئورنۇڭدىن تۇر، ئالدىمغا كەل! - دېۋىدى، ھېلىقى كېسەل ئورنىدىن تۇردى. ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىككە: - سىلەردىن سوراپ باقايچۇ، قانداق قىلىش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇن؟ دەم ئېلىش كۈنى ياخشىلىق قىلىشمۇ ياكى يامانلىق قىلىشمۇ؟ جاننى قۇتقۇزۇشمۇ ياكى جانغا زامىن بولۇشمۇ؟ - دېدى ۋە كېسەلنىڭ ئەتراپىدىكىلەرگە كۆز يۈگۈرتۈپ چىققاندىن كېيىن، ھېلىقى كېسەلگە: - قولۇڭنى ئۇزات، - دېدى. ئۇ ئادەم قولىنى ئۇزىتىشى بىلەنلا قولى ئەسلىگە كەلدى. ئەمما، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر ئىنتايىن غەزەپلىنىپ، ھەزرىتى ئەيساغا قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا مەسلىھەتكە چۈشتى. بىر كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا دۇئا قىلىش ئۈچۈن تاغقا چىقتى. ئۇ يەردە خۇداغا كېچىچە دۇئا قىلدى. تاڭ ئاتقاندا، شاگىرتلىرىنى ئالدىغا چاقىرىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئون ئىككى كىشىنى تاللاپ، ئۇلارنى ئەلچى دەپ ئاتىدى. ئۇلار: سىمۇن (ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى پېترۇس دەپمۇ ئاتىغان) ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئەندەر، ياقۇپ، يۇھاننا، فىلىپ، بارتولوماي، مەتتا، توماس، ھالپاينىڭ ئوغلى ياقۇپ، ۋەتەنپەرۋەر دەپ ئاتالغان سىمۇن، باشقا بىر ياقۇپنىڭ ئوغلى يەھۇدا ۋە كېيىن ھەزرىتى ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدا ئىشقارىيوتلار ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرى بىلەن تاغدىن چۈشۈپ، تۈز بىر يەردە تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئالدىغا نۇرغۇن شاگىرتلار ھەمدە يېرۇسالېم شەھىرىدىن، جۈملىدىن پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن كەلگەن كىشىلەر توپ-توپ بولۇپ كېلىپ يىغىلىشتى. ھەتتا دېڭىز بويىدىكى تىر ۋە سىدون شەھەرلىرىدىنمۇ نۇرغۇن كىشىلەر كەلگەنىدى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ تەلىملىرىنى ئاڭلاش ۋە كېسەللىرىگە شىپالىق ئىزدەش ئۈچۈن كەلگەنىدى. جىنلار دەستىدىن ئازابلانغانلارمۇ كېلىپ، شىپالىق تېپىشتى. كۆپچىلىك قوللىرىنى ھەزرىتى ئەيساغا تەگكۈزۈۋېلىشقا تىرىشاتتى. چۈنكى، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن كۈچ-قۇدرەت چىقىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ساقايتىۋاتاتتى. ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا قاراپ مۇنداق دېدى: - ئەي يوقسۇللار، نەقەدەر بەختلىكسىلەر! چۈنكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرنىڭكىدۇر. ئەي ئاچ قالغانلار، سىلەرمۇ نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، خۇدا سىلەرنى تولۇق قانائەتلەندۈرىدۇ. ئەي يىغلاۋاتقانلار، سىلەرمۇ بەختلىك! بۇنىڭدىن كېيىن، شاد-خۇراملىققا چۆمىسىلەر. ئىنسانئوغلىغا ئەگەشكەنلىكىڭلار ئۈچۈن بەزىلەر سىلەردىن نەپرەتلەنسە، يۈز ئۆرۈسە، سىلەرگە تۆھمەت-ھاقارەت قىلسا، سىلەرنى يامان دېسە، نەقەدەر بەختلىكسىلەر! ئۇ چاغدا، شاد-خۇرام بولۇپ تەنتەنە قىلىڭلار. چۈنكى، ئەرشتە سىلەر ئۈچۈن كۆپ ئىنئام ساقلانماقتا. بۇ قارا نىيەتلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرگىمۇ شۇنداق زىيانكەشلىك قىلغان. لېكىن، ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي بايلار! راھەت-پاراغەت سىلەرگە يار بولماس ئەمدى. ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قارنى توقلار! ئاچلىقتا قالىسىلەر ئەمدى. ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي كۈلۈۋاتقانلار! ھازا تۇتۇپ يىغلايسىلەر ئەمدى. خالايىق سىلەرنى ماختىغاندا، ھالىڭلارغا ۋاي! چۈنكى، خۇدانىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغان بۇرۇنقى ساختا پەيغەمبەرلەرمۇ بۇ خەلقنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن. - قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭلار! سىلەرگە دۈشمەنلىك قىلغانلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار. ئۆچمەنلىك قىلغانلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. سىلەرنى قارغىغانلارغا بەخت تىلەڭلار. سىلەرگە يامان مۇئامىلىدە بولغانلارغىمۇ دۇئا قىلىڭلار. بىرسى سىلەرنىڭ ئوڭ يۈزۈڭلارغا ئۇرسا، سول يۈزۈڭلارنىمۇ تۇتۇپ بېرىڭلار. بىرسى سىلەرنىڭ چاپىنىڭلارنى ئېلىپ كەتسە، كۆڭلىكىڭلارنىمۇ سېلىپ بېرىڭلار. بىرسى سىلەردىن بىرنېمە تىلىسە، تىلىگىنىنى بېرىڭلار. بىرسى سىلەرنىڭ بىرەر نەرسەڭلارنى ئېلىپ كەتسە، ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىشنى سورىماڭلار. باشقىلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى كۈتسەڭلار، سىلەرمۇ ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭلار. ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارنى ياخشى كۆرگەنلەرگىلا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتسەڭلار، بۇنىڭ ماختانغۇدەك نەرى بار؟ گۇناھكارلارمۇ ئۆزىنى ياخشى كۆرگەنلەرگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىدىغۇ. ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارغا ياخشىلىق قىلغانلارغىلا ياخشىلىق قىلساڭلار، بۇنىڭ ماختانغۇدەك نەرى بار؟ ھەتتا گۇناھكارلارمۇ شۇنداق قىلىدىغۇ! ئەگەر سىلەر قەرزنى قايتۇرالايدىغانلارغىلا بەرسەڭلار، بۇنىڭ ماختانغۇدەك نەرى بار؟ گۇناھكارلارمۇ ئەينەن قايتۇرۇش شەرتى بىلەن باشقا گۇناھكارلارغا قەرز بېرىدىغۇ! ياق! سىلەر دۈشمىنىڭلارغىمۇ مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. باشقىلارغا قايتۇرۇۋېلىشنى ئويلىمايلا پۇل قەرز بېرىڭلار. شۇ چاغدا، ئەرشتە مول ئىنئامغا ئېرىشىسىلەر ۋە ئۇلۇغ خۇدانىڭ پەرزەنتى بولغانلىقىڭلارغا گۇۋاھلىق بەرگەن بولىسىلەر. چۈنكى، خۇدا ياخشىلىقنى بىلمەيدىغانلارغا ۋە يامانلارغىمۇ شەپقەت قىلىدۇ. ئەرشتىكى ئاتاڭلار مېھرىبان بولغىنىدەك، سىلەرمۇ مېھرىبان بولۇڭلار. - باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىپ يۈرمەڭلار. سىلەرمۇ خۇدانىڭ ھۆكۈمىگە ئۇچرىمايسىلەر. باشقىلارنى ئەيىبلىمەڭلار، خۇدامۇ سىلەرنى ئەيىبلىمەيدۇ. باشقىلارنى كەچۈرۈڭلار، خۇدامۇ سىلەرنى كەچۈرۈم قىلىدۇ. باشقىلاردىن ھېچنېمىنى ئايىماڭلار، خۇدامۇ سىلەردىن ھېچنېمىنى ئايىمايدۇ. ھەتتا سىلەرگە چوڭ ئۆلچىگۈچكە لىق چىڭداپ تولدۇرۇلغان ئىنئامنى تەقدىم قىلىدۇ. سىلەر باشقىلارغا قانداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بەرسەڭلار، خۇدامۇ سىلەرگە شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بېرىدۇ. ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا تەمسىل ئارقىلىق تەلىم بېرىپ مۇنداق دېدى: - قارىغۇ قارىغۇنى يېتەكلەپ ماڭالمايدۇ. ئۇنداق قىلسا، ھەر ئىككىلىسى ئورىغا چۈشۈپ كېتىدۇ. شاگىرت ئۇستازىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ. لېكىن، ئۇ ئوقۇپ يېتىشكەندىن كېيىن ئۇستازىغا ئوخشاش بولالايدۇ. نېمە ئۈچۈن بۇرادىرىڭنىڭ ھەرە كېپىكىدەك كىچىك سەۋەنلىكىنىلا كۆرۈپ، ئۆزۈڭدىكى لىمدەك چوڭ گۇناھنى كۆرمەيسەن؟! ئۆزۈڭدىكى شۇنچە چوڭ گۇناھنى كۆرمەي تۇرۇپ، بۇرادىرىڭگە: «كۆزۈڭدىكى ھەرە كېپىكىنى ئېلىۋېتەي!» دېيىشىڭ قانداق گەپ؟ ئەي ساختىپەز! ئاۋۋال ئۆزۈڭنىڭ كۆزىدىكى لىمنى ئېلىۋەت. بۇنىڭ بىلەن، ئېنىق كۆرۈپ، بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى ھەرە كېپىكىنى ئېلىۋېتەلەيسەن. - ياخشى دەرەخ يامان مېۋە بەرمەيدۇ، يامان دەرەخمۇ ياخشى مېۋە بەرمەيدۇ. ھەرقانداق دەرەخنى بەرگەن مېۋىسىدىن پەرق ئەتكىلى بولىدۇ. تىكەندىن ئەنجۈر، يانتاقتىن ئۈزۈم ئالغىلى بولمايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، ياخشى ئادەم قەلبىدىكى ياخشىلىقىدىن ياخشىلىق چىقىرىدۇ. يامان ئادەم قەلبىدىكى يامانلىقىدىن يامانلىق چىقىرىدۇ. چۈنكى، كۆڭۈلدە نېمە بولسا، ئېغىزدىن شۇ چىقىدۇ. - سىلەر ئەجەب مېنى «رەببىم! رەببىم!» دەيسىلەريۇ، بۇيرۇقلىرىمغا ئەمەل قىلمايسىلەر. ئەمىسە، مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ، سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلغانلار كىمگە ئوخشايدۇ؟ ئۇلار خۇددى ئۇلىنى چوڭقۇر قېزىپ، قورام تاشنىڭ ئۈستىگە ئىمارەت سالغان كىشىگە ئوخشايدۇ. كەلكۈن كەلگەندە، ئۇنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمى ئۇنداق ئىمارەتنى قىمىر قىلغۇزالمايدۇ، چۈنكى ئۇ پۇختا سېلىنغان. لېكىن، سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، ئەمەل قىلمايدىغانلار ئۇل قۇرماي قۇرۇق يەرنىڭ ئۈستىگە ئىمارەت سالغان كىشىگە ئوخشايدۇ. بۇنداق ئىمارەت كەلكۈننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ھامان ئۆرۈلۈپ، پۈتۈنلەي گۇمران بولىدۇ. ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىككە سۆز قىلىپ بولغاندىن كېيىن، كەپەرناھۇم شەھىرىگە قايتتى. ئۇ يەردە رىملىق بىر يۈزبېشىنىڭ ئەتىۋارلىق چاكىرى ئېغىر كېسەل بولۇپ، ئۆلۈم گىردابىدا تۇراتتى. يۈزبېشى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىشلىرىدىن خەۋەر تېپىپ، بىرنەچچە يەھۇدىي ئاقساقالنىڭ بېرىپ، ئۇنىڭ كېلىپ چاكىرىنى ساقايتىپ قويۇشى ئۈچۈن ئۆتۈنۈشىنى تاپشۇردى. ئاقساقاللار ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا بېرىپ: - يۈزبېشى ھەقىقەتەن سىزنىڭ ياردەم بېرىشىڭىزگە ئەرزىيدىغان ئادەم. ئۆزى يەھۇدىي بولمىسىمۇ، بىز يەھۇدىيلارنى ياخشى كۆرىدۇ. ھەتتا بىز ئۈچۈن بىر ئىبادەتخانىمۇ سېلىپ بەردى، - دەپ، ئۇنىڭ يۈزبېشىنىڭ ئۆيىگە بېرىشىنى چىن كۆڭلىدىن تەلەپ قىلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلار بىلەن بىللە يولغا چىقتى. بىراق، ئۆيگە يېتىپ كېلىشكە ئاز قالغاندا، يۈزبېشى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا بىرنەچچە دوستىنى ئەۋەتتى. ئۇلار: - تەقسىر، يۈزبېشى: «ئاۋارە بولۇپ ئۆيۈمگە كېلىشىڭىزگە ئەرزىمەيمەن. ھەتتا ئۆزۈممۇ بېرىپ سىز بىلەن كۆرۈشۈشكە لايىق ئەمەسمەن. بىر ئېغىز سۆز قىلىپ قويسىڭىز، چاكىرىم ساقىيىپ كېتىدۇ. مېنىڭمۇ ئۈستۈمدە باشلىقىم، قول ئاستىمدا لەشكەرلىرىم بار. بىرىگە بار دېسەم بارىدۇ، بىرىگە كەل دېسەم، كېلىدۇ. چاكىرىمغا بۇ ئىشنى قىل دېسەم، ئۇ شۇ ئىشنى قىلىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، سىز بىر ئېغىز گەپ قىلسىڭىزلا، ھەممە ئىش ھەل بولىدۇ» دەيدۇ، - دېدى. يۈزبېشىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ھەيران بولغان ھەزرىتى ئەيسا بۇرۇلۇپ، بىللە كەلگەن خالايىققا: - دەرۋەقە، مەن ئىسرائىللار ئارىسىدىمۇ بۇنداق ئىشەنچنى ھېچكىمدە كۆرمىگەنىدىم! - دېدى. يۈزبېشى ئەۋەتكەن ھېلىقى كىشىلەر قايتىپ بارغاندا، چاكارنىڭ پۈتۈنلەي ساقىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ھەزرىتى ئەيسا نائىن دېگەن شەھەرگە قاراپ يول ئالدى. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ۋە يەنە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. ئۇ شەھەر دەرۋازىسىغا كەلگەندە، جىنازا كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقان بىر توپ ئادەمگە يولۇقۇپ قالدى. ئۆلگۈچى بىر تۇل ئايالنىڭ يالغۇز ئوغلى ئىدى. شەھەردىكى نۇرغۇن كىشىلەر ھېلىقى تۇل ئايال بىلەن بىللە چىققانىدى. بۇ ئايالنى كۆرگەن ھەزرىتى ئەيسا ئىچىنى ئاغرىتقان ھالدا ئۇنىڭغا: - يىغلىماڭ، - دېدى. ئاندىن، توپنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، جىنازىغا قولىنى تەگكۈزگەنىدى، جىنازا كۆتۈرگەنلەر توختىدى. ھەزرىتى ئەيسا: - يىگىت، ئورنۇڭدىن تۇر، - دېيىشى بىلەنلا، ئۆلۈپ قالغان يىگىت قوپۇپ، گەپ قىلىشقا باشلىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى ئانىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. قورقۇنچ باسقان كۆپچىلىك: - ئارىمىزدىن ئۇلۇغ بىر پەيغەمبەر چىقتى! - خۇدا بىزگە شاپائەت قىلىش ئۈچۈن كەلدى! - دەپ خۇدانى مەدھىيىلىدى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ ئىشى توغرىسىدىكى خەۋەر پۈتۈن يەھۇدىيلار زېمىنى ۋە ئەتراپتىكى رايونلارغا تارقىلىپ كەتتى. يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى يەھياغا يەتكۈزدى. ئۇ شاگىرتلىرىدىن ئىككى كىشىنى ئۆزى يېتىۋاتقان زىندانغا چاقىرىپ، ئۇلارنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا: «خۇدا بىزگە ئەۋەتمەكچى بولغان قۇتقۇزغۇچى سىزمۇ ياكى باشقا بىرسى كېلەمدۇ؟» دەپ سوراپ كېلىشكە ئەۋەتتى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا بېرىپ: - چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا بىزنى سىزدىن: «خۇدا بىزگە ئەۋەتمەكچى بولغان قۇتقۇزغۇچى سىزمۇ ياكى باشقا بىرسى كېلەمدۇ؟» دەپ سوراپ كېلىشكە ئەۋەتتى، - دېدى. دەل شۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسا ئاغرىق-سىلاق تارتقان ۋە جىن چاپلاشقان نۇرغۇن كىشىلەرنى ساقايتقان ۋە نۇرغۇن قارىغۇلارنىڭ كۆزىنى ئاچقانىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرىغا: - سىلەر قايتىپ بېرىپ، ياراتقان مۆجىزىلىرىمنى ۋە ئېيتقان تەلىملىرىمنى يەھياغا يەتكۈزۈپ: «كورلارنىڭ كۆزى ئېچىلدى، توكۇرلار ماڭالايدىغان بولدى، ماخاۋ كېسىلى بولغانلار ساقايدى، گاسلار ئاڭلىيالايدىغان بولدى، ھەتتا ئۆلگەنلەرمۇ تىرىلدى ۋە كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈلدى» دەپ ئېيتىڭلار. يەھياغا يەنە: «مەندىن گۇمانلانماي، ماڭا تەۋرەنمەي ئىشەنگەنلەر نېمىدېگەن بەختلىك!» دەپ قويۇڭلار، - دېدى. يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى كەتكەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىككە يەھيا توغرۇلۇق مۇنداق دېدى: - سىلەر بۇرۇن يەھيانى ئىزدەپ چۆلگە بارغىنىڭلاردا، زادى قانداق بىر ئادەمنى كۆرمەكچىدىڭلار؟ مەيدانى شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغان قومۇشتەك تەۋرىنىپ تۇرىدىغان بىر ياخشىچاقنىمۇ؟ ياكى چىرايلىق كىيىنگەن بىر ئېسىلزادىنىمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! ھەشەمەتلىك كىيىم كىيىۋالغان، ئەيش-ئىشرەت ئىچىدە ياشايدىغان كىشىلەر چۆلدىن ئەمەس، بەلكى خان ئوردىسىدىن تېپىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، سىلەر بىر پەيغەمبەرنى كۆرگىلى چىقتىڭلار. ئەمدى بىلىپ قويۇڭلاركى، يەھيا ھەرقانداق پەيغەمبەردىنمۇ ئۈستۈن پەيغەمبەردۇر. چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا: «مانا، ئالدىڭدا ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن. ئۇ سېنىڭ يولۇڭنى ئالدىنئالا تەييارلايدۇ» دەپ يېزىلغان ۋە بۇ يەردىكى «ئەلچىم» دەل يەھيا پەيغەمبەرنى كۆرسىتىدۇ. بىلىپ قويۇڭلاركى، ئىنسانلار ئارىسىدا يەھيادىنمۇ ئۇلۇغ كىشى يوق. ئەمما خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدىكى ئەڭ ئەرزىمەس بىرسىمۇ ئۇنىڭدىن ئۇلۇغ بولىدۇ. بۇنى ئاڭلىغان پۇقرالار، ھەتتا باجگىرلارمۇ خۇدانىڭ يولى توغرا دېدى، چۈنكى ئۇلار بۇرۇن يەھيا پەيغەمبەرنىڭ چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلغانىدى. لېكىن، پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى يەھيا پەيغەمبەرنىڭ چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلماي، خۇدانىڭ ئۆزلىرىگە بولغان مەقسىتىنى قايرىپ قويغانىدى. شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - بۇ زاماننىڭ سىلەردەك كىشىلىرىنى زادى كىملەرگە ئوخشىتاي؟! ئۇلار خۇددى كوچىدا ئولتۇرۇۋېلىپ، بىر-بىرىگە: «بىز سىلەرگە سۇناي چېلىپ بەرسەك، ئۇسسۇل ئوينىمىدىڭلار. ماتەم مۇزىكىسىنى چېلىپ بەرسەك، يىغا-زار قىلمىدىڭلار» دەپ رەنجىيدىغان تۇتۇرۇقسىز بالىلارغا ئوخشايدۇ. چۈنكى، چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا كېلىپ روزا تۇتاتتى، شاراب ئىچمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار: «ئۇنىڭغا جىن تېگىپتۇ!» دېيىشتى. ئىنسانئوغلى بولسا ھەم يەيدۇ ھەم ئىچىدۇ. بىراق، ئۇلار: «تازا بىر تويماس ھاراقكەش ئىكەن! ئۇ باجگىر ۋە باشقا گۇناھكارلارنىڭ دوستى» دېيىشىدۇ. بىلىپ قويۇڭلاركى، ھېكمەت ئۇنى قوبۇل قىلغانلار ئارقىلىق تونۇلىدۇ. پەرىسىيلەردىن بىر كىشى ھەزرىتى ئەيسانى تاماققا تەكلىپ قىلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تاماققا ئولتۇردى. ئۇ يەردە پاھىشە دەپ تونۇلغان بىر ئايال ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ پەرىسىينىڭ ئۆيىگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئاق قاشتېشىدىن ياسالغان بىر قۇتىدا ئەتىر ئېلىپ كەلدى ۋە ھەزرىتى ئەيسانىڭ كەينىدە، پۇتىغا يېقىن يەردە تۇرۇپ يىغلاشقا باشلىدى. ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ پۇتلىرىنى ھۆل قىلىۋەتتى. ئاندىن، ئۇ چاچلىرى بىلەن ھەزرىتى ئەيسانىڭ پۇتلىرىنى ئېرتىپ قۇرۇتتى ھەم پۇتلىرىنى سۆيۈپ، ئۈستىگە ئەتىر سۈردى. ھەزرىتى ئەيسانى چاقىرغان پەرىسىي بۇنى كۆرۈپ، ئىچىدە «بۇ ئادەم راست پەيغەمبەر بولغان بولسا، ئۆزىگە قولىنى تەگكۈزگەن بۇ ئايالنىڭ پاھىشە ئىكەنلىكىنى بىلەتتى!» دەپ ئويلىدى. بۇنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا: - شىمون، ساڭا ئېيتىدىغان بىر گېپىم بار، - دېدى. - ئېيتىڭ ئۇستاز، - دېدى شىمون. - ئىككى ئادەم بىر كىشىگە قەرزدار ئىكەن. بىرى بەش يۈز كۈمۈش تەڭگىگە، يەنە بىرى بولسا، ئەللىك كۈمۈش تەڭگىگە قەرزدار ئىكەن. ھەر ئىككىسىنىڭ قەرزنى قايتۇرۇش ئىمكانىيىتى يوق ئىكەن. شۇڭا، قەرز ئىگىسى مېھرىبانلىق قىلىپ، ھەر ئىككىسىنىڭ قەرزىنى كەچۈرۈم قىپتۇ. سېنىڭچە، ئۇلارنىڭ قايسىسى قەرز ئىگىسىنى بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ؟ - دەپ سورىدى ھەزرىتى ئەيسا. - مېنىڭچە، كۆپرەك كەڭچىلىككە ئېرىشكىنى، - دەپ جاۋاب بەردى شىمون. - توغرا ئېيتتىڭ، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. ئاندىن، ئۇ ھېلىقى ئايالنى كۆرسىتىپ، شىمونغا: - بۇ ئايالنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۆيۈڭگە كەلگىنىمدە، سەن پۇتلىرىمنى يۇيۇشقا سۇ بەرمىگەنىدىڭ. بىراق، ئۇ كۆز يېشى بىلەن پۇتلىرىمنى يۇدى، چېچى بىلەن ئېرتىپ قۇرۇتتى. سەن مېنى ھال-ئەھۋال سوراپ، سۆيۈپ كۈتۈۋالمىغانىدىڭ. لېكىن، ئۇ مەن كىرگەندىن تارتىپ پۇتلىرىمنى سۆيۈۋاتىدۇ. سەن مېھمانلارغا تەقدىم قىلىنىدىغان ياغنى بېشىمغىمۇ سۈركىمىگەنىدىڭ. بىراق، ئۇ مېنى ھۆرمەتلەپ، پۇتلىرىمغا ئەتىر سۈركەپ قويدى. قىسقىسى ساڭا ئېيتايكى، ئۇنىڭ نۇرغۇن گۇناھلىرىنىڭ ھەممىسى كەچۈرۈم قىلىندى. شۇڭا، ئۇنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتى چوڭقۇر. لېكىن، ئاز كەچۈرۈم قىلىنغاننىڭ كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىمۇ ئاز، - دېدى. ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇ ئايالغا: - گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى، - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغانلار: «ھەتتا كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنىمۇ كەچۈرۈم قىلىدىغان بۇ ئادەم زادى كىمدۇ؟» دېيىشتى. ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى ئايالغا: - ماڭا باغلىغان ئىشەنچىڭ سېنى قۇتقۇزدى. ئامان بول! - دېدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىدىكى شەھەر، يېزا-قىشلاقلارغا بېرىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا دائىر خۇش خەۋەرنى تارقاتتى. ئون ئىككى شاگىرتىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە باردى. بۇلاردىن باشقا، يەنە جىن ۋە كېسەللىك ئازابلىرىدىن قۇتقۇزۇپ ساقايتىلغان بەزى ئاياللارمۇ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تېنىدىن يەتتە جىن ھەيدەپ چىقىرىلغان مەجدەللىك مەريەم، ھىرود خاننىڭ ساراي ئەمەلدارى خۇزانىڭ ئايالى يوئاننا، سۇزانا ۋە باشقا بىرمۇنچە ئاياللارمۇ بار ئىدى. بۇلار ئۆز مال-مۈلۈكلىرى بىلەن ھەزرىتى ئەيسا ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرىغا ياردەمدە بولدى. خالايىق ھەرقايسى يۇرتلاردىن ھەزرىتى ئەيسا بىلەن كۆرۈشكىلى ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇراتتى. بىر كۈنى نۇرغۇن ئادەم يىغىلغاندا، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا تۆۋەندىكى تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى: - بىر دېھقان ئۇرۇق چاچقىلى ئېتىزىغا چىقىپتۇ. چاچقان ئۇرۇقلىرىنىڭ بەزىلىرى چىغىر يول ئۈستىگە چۈشۈپ، كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئاستىدا قاپتۇ ۋە قۇشلارغا يەم بوپتۇ. بەزىلىرى ئاستى تاشلىق تۇپراققا چۈشۈپتۇ. ئەمما، يەردىكى نەملىك يېتىشمىگەنلىكتىن، ئۇرۇقلار ئۈنۈپ چىققاندىن كېيىن قۇرۇپ كېتىپتۇ. بەزىلىرى تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چۈشۈپتۇ. مايسىلار تىكەنلەر بىلەن بوي تالىشىپ ئۆسۈپتۇ. بىراق، نەتىجىدە تىكەنلەر مايسىلارنى بېسىۋاپتۇ. بەزىلىرى بولسا مۇنبەت تۇپراققا چۈشۈپ، ئوبدان ئۆسۈپ، يۈز ھەسسىلەپ ھوسۇل بېرىپتۇ. ھەزرىتى ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن يەنە: - بۇ سۆزلەرنى قۇلىقىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار! - دېدى. كېيىن، ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئۇنىڭدىن بۇ تەمسىلنىڭ مەنىسىنى سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ سىرلىرى سىلەرنىڭ بىلىشىڭلارغا بېرىلدى. بىراق، باشقىلارغا كەلسەك، ئۇلارغا تەمسىللەر بىلەنلا چۈشەندۈرىمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار سۆزۈمنى ئاڭلىسىمۇ چۈشەنمەيدۇ. بۇ ئەھۋال يەشايا پەيغەمبەرنىڭ دېگىنىدەك بولدى: «ئۇلار قارىسىمۇ كۆرمەيدۇ، ئاڭلىسىمۇ چۈشەنمەيدۇ.» بۇ تەمسىلنىڭ مەنىسى مۇنداق: - ئۇرۇق خۇدانىڭ سۆزىدۇر. چىغىر يولدىكى تۇپراققا چۈشكەن ئۇرۇقلار شۇنداق كىشىلەرگە تەمسىل قىلىنغانكى، ئۇلار خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىسىمۇ، ئۇنى قوبۇل قىلمايدۇ. شەيتان ئۇلارنى ئېتىقاد ئارقىلىق قۇتقۇزۇلمىسۇن دەپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىن خۇدانىڭ سۆزىنى ئېلىپ قېچىپ كېتىدۇ. تاشلىق تۇپراققا چۈشكەن ئۇرۇقلار خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان ھامان خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغانلارغا تەمسىل قىلىنغان. ئۇلار بۇنىڭغا بىر مەھەل ئىشەنگەن بولىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ يىلتىزى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بىرەر مۈشكۈللۈككە يولۇقسىلا، بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. تىكەنلىككە چۈشكەن ئۇرۇقلارغا كەلسەك، ئۇلار شۇنداق كىشىلەرگە تەمسىل قىلىنغانكى، ئۇلار خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىسىمۇ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا كۆڭلىگە بۇ دۇنيانىڭ ئەندىشە، بايلىق ۋە ھالاۋەتلىرىنىڭ ئېزىقتۇرۇشلىرى كىرىۋېلىپ، خۇدانىڭ سۆزىنى بوغۇۋېتىدۇ-دە، ئۇلار ھوسۇلسىز قالىدۇ. مۇنبەت تۇپراققا چۈشكەن ئۇرۇقلار بولسا خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلايدىغان، ئۇلارنى پاك ۋە چىن دىلىدا چىڭ ساقلايدىغان، ھوسۇل بەرگۈچە سەۋر قىلىدىغان كىشىلەردۇر. ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا يەنە: - چىراغنى يېقىپ، ئۇنى بىرەر نەرسە بىلەن يېپىپ قويىدىغان ياكى كارىۋاتنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇپ قويىدىغان كىشى يوق، ئەلۋەتتە. ئەكسىچە، ئۆيگە كىرگەنلەر ئېنىق كۆرەلىسۇن دەپ، ئۇنى جەزمەن چىراغداننىڭ ئۈستىگە قويىدۇ. چۈنكى، يېپىق قويۇلغان ھەرقانداق نەرسە ئاشكارا بولماي قالمايدۇ. يوشۇرۇلغان ھەرقانداق نەرسە بىلىنمەي قالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مېنىڭ خۇدانىڭ ھەقىقىتى توغرىسىدا ئېيتقانلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار. چۈنكى، كىمدە ئەقىل-پاراسەت بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ. لېكىن، كىمدە ئەقىل-پاراسەت بولمىسا، ئۆزىدە بار دەپ قارالغىنىمۇ ئېلىپ كېتىلىدۇ، - دېدى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئانىسى ۋە ئىنىلىرى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى. لېكىن، ئادەم كۆپ بولغاچقا، يېنىغا كېلەلمىگەنىدى. بىر كىشى ھەزرىتى ئەيساغا: - ئانىڭىز ۋە ئىنىلىرىڭىز سىز بىلەن كۆرۈشىمىز دەپ، سىرتتا تۇرىدۇ، - دېدى. - خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغانلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئانام ۋە ئاكا-ئىنىلىرىمدۇر، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىككە. بىر كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن كېمىگە چۈشۈپ، ئۇلارغا: - كۆلنىڭ ئۇ قېتىغا بارايلى، - دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار يولغا چىقتى. كېمە كېتىۋاتقاندا ھەزرىتى ئەيسا ئۇخلاپ قالدى. ئۇشتۇمتۇت قاتتىق بوران چىقىپ، كېمىگە سۇ توشۇپ، ھەممىسى ئىنتايىن خەۋپ ئىچىدە قالدى. شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيسانى ئويغىتىپ: - ئۇستاز، ئۇستاز، غەرق بولۇش ئالدىدا تۇرىمىز! - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا ئويغىنىپ، بوران-چاپقۇنغا بۇيرۇق قىلغانىدى، بوران توختاپ، دولقۇن پەسلەپ، ھەممىسى تىنچىدى. ئاندىن، ئۇ شاگىرتلىرىغا بۇرۇلۇپ: - ئىشەنچىڭلار نەگە كەتتى؟ - دېدى. شاگىرتلار ھەم ھەيران بولۇپ، ھەم قورقۇشۇپ، بىر-بىرىگە: - بۇ ئادەم زادى كىمدۇ؟ بۇيرۇق قىلسا، ھەتتا بوران ۋە دولقۇنلارمۇ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىكەن-ھە! - دەپ كېتىشتى. ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن جەلىلىيە كۆلىنىڭ ئۇ چېتىدىكى گېراسالىقلار تۇرغان يەرگە باردى. ھەزرىتى ئەيسا قىرغاققا چىقىشىغا، شەھەردىن كەلگەن جىن چاپلاشقان بىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. بۇ ئادەم ئۇزۇندىن بېرى كىيىم كىيمەي، ئۆيدە تۇرماي، گۆر قىلىنىدىغان ئۆڭكۈرلەردە ياشايتتى. ئۇ ھەزرىتى ئەيسانى كۆرۈشى بىلەنلا ئۇنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ: - ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا، ئىشىمغا ئارىلاشما! سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، مېنى قىينىما! - دەپ ۋارقىراپ كەتتى. ئۇنىڭ بۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى، ھەزرىتى ئەيسا جىنغا ئۇنىڭ تېنىدىن چىقىشنى بۇيرۇغانىدى. جىن بۇ ئادەمنى ئۇزۇن ۋاقىت ئىلكىگە ئېلىۋالغانىدى. خەلق بۇ ئادەمنى كۆپ قېتىم زەنجىر-كىشەنلەر بىلەن باغلاپ، قاماپ قويغان بولسىمۇ، ئۇ ئۇلارنى ئۈزۈپ قېچىپ چىقىپ، جىن تەرىپىدىن چۆل-باياۋانلارغا ئېلىپ كېتىلەتتى. ھەزرىتى ئەيسا بۇ ئادەمدىن: - ئىسمىڭ نېمە؟ - دەپ سورىدى. - ئىسمىم «مىڭلىغان»، - دەپ جاۋاب بەردى بۇ ئادەمنى سۆزلىتىۋاتقان جىن. چۈنكى، بۇ ئادەمگە مىڭلىغان جىنلار چاپلىشىۋالغانىدى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيساغا ئۆزلىرىنى شەيتانغا تەييارلانغان تېگى يوق ھاڭلارغا سۈرگۈن قىلماسلىقنى ئۆتۈنۈپ يالۋۇردى. شۇ ئەتراپتىكى تاغ باغرىدا بىر توپ توڭگۇز پادىسى ئوزۇقلىنىپ يۈرەتتى. جىنلار ھەزرىتى ئەيساغا يالۋۇرۇپ، توڭگۇزلارنىڭ تېنىگە كىرىپ كېتىشىگە ئىجازەت بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئىجازەت بەردى. جىنلار ھېلىقى ئادەمنىڭ تېنىدىن چىقىپ، توڭگۇزلارغا چاپلىشىۋالدى. پۈتۈن توڭگۇز پادىسى پاتىپاراق بولۇپ، يۈگۈرگەن پېتى ياردىن چۈشۈپ، كۆلگە غەرق بولدى. بۇ ھالنى كۆرگەن توڭگۇز باققۇچىلار ئۇ يەردىن قېچىپ، شەھەر-يېزىلاردا بۇ خەۋەرنى تارقاتتى. ئۇ يەردىكى كىشىلەر زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى كۆرگىلى بۇ يەرگە كېلىشتى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ، تېنىدىن جىنلار چىقىپ كەتكەن ھېلىقى ئادەمنىڭ كىيىملىرىنى كىيىپ، ئەس-ھوشى جايىدا ھالدا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىدا ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، قورقۇپ كېتىشتى. بۇ مۆجىزىنى كۆرگەنلەر ھېلىقى كىشىنىڭ ساقىيىش جەريانىنى كۆپچىلىككە سۆزلەپ بەردى. شۇ يەردىكى كىشىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۇ يەردىن كېتىشىنى تەلەپ قىلىشتى. چۈنكى، ئۇلار ئىنتايىن قورقۇشقانىدى. شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسا كېمىگە چۈشۈپ، قايتىپ كەتمەكچى بولدى. تېنىدىن جىنلار چىقىپ كەتكەن ھېلىقى كىشى ھەزرىتى ئەيساغا: - مەنمۇ سىز بىلەن بىللە كېتەي، - دەپ يالۋۇردى. لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ئۆيۈڭگە قايتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ ساڭا نەقەدەر چوڭ ئىشلارنى قىلىپ بەرگەنلىكىنى يەتكۈزگىن، - دېدى. ئۇ ئادەم قايتىپ بېرىپ، پۈتۈن شەھەرنى ئارىلاپ، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىگە قىلىپ بەرگەن چوڭ ئىشلارنى ھەممەيلەنگە يەتكۈزدى. ھەزرىتى ئەيسا كۆلنىڭ بۇ قېتىغا قايتىپ كەلگىنىدە، خالايىق ئۇنى قارشى ئېلىشتى. چۈنكى، ھەممەيلەن ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى. قارشى ئالغىلى چىققانلار ئىچىدە مەلۇم بىر ئىبادەتخانىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان يائىرمۇ بار ئىدى. ئۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ، ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ يالۋۇردى. چۈنكى، ئۇنىڭ ئون ئىككى ياشلىق يالغۇز قىزى ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا تۇراتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەرگە بارغىنىدا، كىشىلەر ئۇنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئولىشىۋالدى. توپنىڭ ئىچىدە خۇن تەۋرەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا ئون ئىككى يىل بولغان بىر ئايالمۇ بار ئىدى. ئۇ بار پۇلىنى تېۋىپلارغا خەجلەپ تۈگەتكەن بولسىمۇ، ھېچكىم ئۇنى ساقايتالمىغانىكەن. ئۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئارقا تەرىپىدىن كېلىپ، ئۇنىڭ چاپىنىنىڭ پېشىنى سىلاپ قويۇۋىدى، خۇن شۇئان توختىدى. - پېشىمنى تۇتقان كىم؟ - دەپ سورىدى ھەزرىتى ئەيسا. كۆپچىلىك: «تۇتمىدۇق» دېيىشتى. - ئۇستاز، تۆت ئەتراپىڭىزنىڭ ھەممىسى ئادەم، ئۇلار سىزنى قىستاپ تۇرۇۋاتمامدۇ؟ - دېدى پېترۇس. لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا: - ياق! بىرسى قەستەن پېشىمنى تۇتتى. چۈنكى، ۋۇجۇدۇمدىن كۈچ-قۇدرەتنىڭ چىقىپ كەتكىنىنى سەزدىم، - دېدى. ھېلىقى ئايال ھەزرىتى ئەيسانىڭ سېزىپ قالغانلىقىنى بىلىپ، تىترىگەن ھالدا ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئايىغىغا يىقىلدى ۋە كۆپچىلىككە ئۆزىنىڭ ھەزرىتى ئەيسانىڭ پېشىنى نېمىشقا تۇتقانلىقىنى ھەم شۇئان ساقىيىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. - قىزىم، ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى! تىنچ-ئامان بول، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا. ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزنى قىلىۋاتقاندا، ئىبادەتخانا مەسئۇلىنىڭ ئۆيىدىن كەلگەن بىرى ئىبادەتخانا مەسئۇلى يائىرغا: - قىزىڭىز جان ئۈزدى. ئەمدى ئۇستازنى ئاۋارە قىلمايلى، - دېدى. بۇنى ئاڭلىغان ھەزرىتى ئەيسا يائىرغا: - قورقمىغىن! ماڭا ئىشەنگىن! ئۇ ساقىيىپ كېتىدۇ، - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا يائىرنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، پېترۇس، يۇھاننا، ياقۇپ ۋە قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن باشقا كىشىلەرنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە ئۆيگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىدى. ئۇ يەردىكىلەر قىزغا ھازا تۇتۇپ يىغا-زار قىلىشىۋاتاتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - بولدى، يىغلىماڭلار! قىز ئۆلمىدى، ئۇخلاپ قاپتۇ! - دېدى. بىراق، خالايىق ئۇنى مەسخىرە قىلدى. چۈنكى، قىزنىڭ ئاللىقاچان جان ئۈزگەنلىكىدىن ئۇلارنىڭ خەۋىرى بار ئىدى. لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا قىزنىڭ قولىدىن تارتىپ: - بالام، ئورنۇڭدىن تۇر، - دەپ چاقىردى. قىزنىڭ روھى تېنىگە قايتىپ كېلىپ، ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇردى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا قىزنىڭ قورسىقىغا بىرنەرسە بېرىشنى بۇيرۇدى. قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ناھايىتى ھەيران قېلىشتى. لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنماسلىقنى تاپىلىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئون ئىككى شاگىرتىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا ھەرقانداق جىننى ھەيدەش، كېسەللەرنى ساقايتىش قۇدرىتى ۋە ھوقۇقىنى بەردى. ئاندىن، ئۇلارنى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى تارقىتىش ۋە كېسەللەرنى ساقايتىشقا ئەۋەتتى. ئۇ شاگىرتلىرىغا: - سىلەر سەپەردە ھېچ نەرسە ئالماڭلار، نە ھاسا، نە خۇرجۇن، نە نان، نە پۇل ئېلىۋالماڭلار، ھەتتا بىرەر ئارتۇق كۆڭلەكمۇ ئېلىۋالماڭلار. بىر يۇرتقا بارغىنىڭلاردا، قايسى ئائىلىدە قارشى ئېلىنساڭلار، ئۇ يەردىن كەتكۈچە شۇ ئائىلىدىلا تۇرۇڭلار. ئەگەر بىرەر يەردىكى كىشىلەر سىلەرنى قارشى ئالمىسا، ئۇ يەردىن ئايرىلغىنىڭلاردا، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئايىغىڭلاردىكى توپىنى قېقىۋېتىڭلار! - دېدى. شاگىرتلار يولغا چىقىپ، ھەممە يېزا-قىشلاقلارنى ئارىلاپ خۇش خەۋەرنى تارقىتىپ، كېسەللەرنى ساقايتتى. جەلىلىيىدىكى ھىرود خان ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىشلىرىدىن خەۋەر تېپىپ، گاڭگىراپ قالدى. چۈنكى، بەزىلەر: «بۇ ئىشلارنى قىلىۋاتقان كىشى يەھيا پەيغەمبەر ئىكەن. ئۇ تىرىلىپتۇ!» دېسە، يەنە بەزىلەر: «بۇرۇن ئاجايىپ مۆجىزىلەرنى ياراتقان ئىلياس پەيغەمبەر ياكى باشقا قەدىمكى پەيغەمبەرلەردىن بىرى قايتىدىن تىرىلىپتۇ!» دەيتتى. «مەن يەھيانىڭ كاللىسىنى ئالدۇرغانىدىم، ئەمدى بۇ گەپلەرنى ئاڭلاۋاتىمەن. بۇ ئىشلارنى قىلىۋاتقان كىشى زادى كىمدۇ؟» دېدى ھىرود خان. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ ھەزرىتى ئەيسا بىلەن كۆرۈشۈشنىڭ يولىنى ئىزدىدى. ئون ئىككى شاگىرت قايتىپ كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ھەممە ئىشلىرىنى ھەزرىتى ئەيساغا مەلۇم قىلدى. ھەزرىتى ئەيسا باشقىلارغا ئۇقتۇرماي، ئۇلارنى بەيتسايدا دېگەن يېزىغا ئېلىپ ماڭدى. بىراق، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان خالايىقمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى قارشى ئېلىپ، ئۇلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا دائىر ئىشلارنى چۈشەندۈردى ۋە كېسىلى بارلارنى ساقايتتى. كۈن ئولتۇرۇشقا ئاز قالغاندا، ئون ئىككى شاگىرتى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: - خالايىقنى تارقىتىۋەتكەن بولسىڭىز، ئۇلار ئەتراپتىكى يېزا-قىشلاقلارغا بېرىپ تاماق يېسۇن ۋە قونغۇدەك جاي تاپسۇن. چۈنكى، بۇ خىلۋەت جاي ئىكەن، - دېدى. لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا: - ئۇلارغا ئۆزۈڭلار تاماق بېرىڭلار، - دېدى. - بىزدە پەقەتلا بەش نان بىلەن ئىككى بېلىق بار. تاماق سېتىۋېلىپ ئەكېلىپ بېرىڭلار، دېمەكچىمۇسىز؟ - دېيىشتى ئۇلار ھەيران بولۇپ. چۈنكى، شۇ يەردە يىغىلغان ئەرلەرنىڭلا سانى تەخمىنەن بەش مىڭچە بار ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - خالايىق ئەللىكتىن-ئەللىكتىن بۆلۈنۈپ ئولتۇرسۇن، - دېدى. شاگىرتلار كۆپچىلىكنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ دېگىنى بويىچە ئولتۇرغۇزدى. ھەزرىتى ئەيسا بەش نان بىلەن ئىككى بېلىقنى قولىغا ئېلىپ، ئاسمانغا قاراپ خۇداغا شۈكۈر ئېيتتى. ئاندىن، نانلارنى ئوشتۇپ، كۆپچىلىككە تارقىتىپ بېرىش ئۈچۈن شاگىرتلىرىغا بەردى. ھەممەيلەن يەپ تويدى. شاگىرتلار ئېشىپ قالغان نان بىلەن بېلىقنىڭ پارچىلىرىنى يىغىۋىدى، ئون ئىككى سېۋەت چىقتى. بىر كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزى يالغۇز دۇئا قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ يې نىدا شاگىرتلىرىلا بار ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن: - خالايىق مېنى كىم دەپ بىلىدىكەن؟ - دەپ سورىدى. - بەزىلەر سىزنى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا دەيدۇ، بەزىلەر ئىلياس پەيغەمبەر دەيدۇ، ۋە يەنە بەزىلەر باشقا قەدىمكى پەيغەمبەرلەردىن بىرى تىرىلىپتۇ دەيدۇ، - دەپ جاۋاب بەردى شاگىرتلار. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن: - سىلەرچۇ؟ سىلەر مېنى كىم، دەپ بىلىسىلەر؟ - دەپ سورىدى. - سىز خۇدا تەيىنلىگەن قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئىكەنسىز، - دەپ جاۋاب بەردى پېترۇس. - ھازىر بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنماڭلار، - دەپ بۇيرۇدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا، - چۈنكى ئىنسانئوغلى نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشى كېرەك. ئاقساقاللار، ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنى رەت قىلىپ ئۆلتۈرگۈزىدۇ. لېكىن، ئۇنى ئۆلتۈرسىمۇ، ئۇ ئۈچىنچى كۈنى تىرىلىدۇ. ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىككە يەنە مۇنداق دېدى: - كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى خالىسا، ئۆز خاھىشىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ھەر كۈنى ماڭا ئەگەشسۇن. چۈنكى، ئۆزى ئۈچۈنلا ياشايدىغانلار ئەكسىچە ھاياتىدىن مەھرۇم بولىدۇ. بىراق، ئۆز خاھىشىدىن ۋاز كېچىپ، مېنىڭ ئۈچۈن ياشايدىغانلار ھاياتىنى ساقلىيالايدۇ. بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ ھاياتىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟! ئەگەر كىمدەكىم مەندىن ۋە مېنىڭ سۆزلىرىمدىن نومۇس قىلسا، ئىنسانئوغلى بولغان مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ، ئاتامنىڭ ۋە مۇقەددەس پەرىشتىلەرنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە قايتىپ كەلگىنىمدە، ئۇنىڭدىن نومۇس قىلىمەن. بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ بەزىلىرى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى كۆرمىگۈچە ئۆلمەيدۇ. تەخمىنەن سەككىز كۈندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا پېترۇس، يۇھاننا ۋە ياقۇپنى ئېلىپ، دۇئا قىلىش ئۈچۈن تاغقا چىقتى. ھەزرىتى ئەيسا دۇئا قىلىۋاتقىنىدا، ئۇنىڭ يۈزى ئۆزگەردى. كىيىملىرى ئاپئاق بولۇپ، چاقماقتەك چاقنىدى. توساتتىن، مۇسا پەيغەمبەر ۋە ئىلياس پەيغەمبەر پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشكە باشلىدى. ئۇلار خۇدانىڭ پارلاق نۇرى ئىچىدە ئايان بولۇپ، ھەزرىتى ئەيسا بىلەن ئۇنىڭ خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا يېرۇسالېمدا قۇربان بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى. پېترۇس ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنى ئۇيقۇ باسقانىدى. ئۇلار ئۇخلاپ ئويغانغاندا، ھەزرىتى ئەيسانىڭ پارلاق نۇرىنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرغان مۇسا پەيغەمبەر ۋە ئىلياس پەيغەمبەرنى كۆردى. بۇ ئىككى پەيغەمبەر ھەزرىتى ئەيسادىن ئايرىلىدىغان ۋاقىتتا، پېترۇس ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالدا ھەزرىتى ئەيساغا: - ئۇستازىم، بۇ يەردە بولغىنىمىز نېمىدېگەن ياخشى! بىرى سىزگە، بىرى مۇسا پەيغەمبەرگە، يەنە بىرى ئىلياس پەيغەمبەرگە دەپ، بۇ يەرگە ئۈچ كەپە ياسايلى، - دېدى. پېترۇس گەپ قىلىۋاتقاندا، بىر بۇلۇت پەيدا بولۇپ، ئۇلارنى قاپلىۋالدى. شاگىرتلار بۇلۇت ئىچىدە قالغىنىدا قورقۇشۇپ كەتتى. تۇيۇقسىز بۇلۇتتىن خۇدانىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ: - بۇ مېنىڭ ئوغلۇم، مېنىڭ تاللىغىنىم. ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار! - دېدى. ئاۋاز توختىغاندىن كېيىن، ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزى يالغۇز قالغانلىقىنى كۆردى. شاگىرتلار بۇ ئىشنى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ھېچكىمگە تىنمىدى. ئەتىسى، ھەزرىتى ئەيسا ئۈچ شاگىرتى بىلەن بىللە تاغدىن چۈشكەن ۋاقتىدا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى قارشى ئالغىلى چىقتى. توپنىڭ ئىچىدىن بىرەيلەن تۇيۇقسىز ۋارقىراپ: - ئۇستاز، ئوغلۇمغا كۆڭۈل بۆلگەيسىز، ئۇ بىرلا بالا ئىدى! ئۇنىڭغا دائىم بىر جىن چاپلىشىۋېلىپ، ئۆزىچىلا ۋارقىراپ-جارقىراپ كېتىدۇ. بەزىدە پۈتۈن بەدىنى تارتىشىپ قېلىپ، ئاغزىدىن ئاق كۆپۈك كېلىدۇ. جىن ئۇنى دائىم قىيناپ ئارام بەرمەيدۇ. شاگىرتلىرىڭىزدىن بۇ جىننى ھەيدىۋېتىشنى ئۆتۈنۈپ سورىغانىدىم، بىراق ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن كەلمىدى، - دېدى. - ئەي ئېتىقادسىز ۋە چىرىك ئەۋلاد! مەن سىلەر بىلەن بىللە بولۇپ، سىلەرنىڭ يەنىلا ماڭا ئىشەنمىگەنلىكىڭلارغا يەنە قاچانغىچە بەرداشلىق بېرەي؟ - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. ئاندىن، ھېلىقى كىشىگە: - بالاڭنى ئېلىپ كەل، - دېدى. بالا كېلىۋاتقاندا، جىن ئۇنى يەرگە يىقىتىپ، پۈتۈن بەدىنىنى تارتىشتۇرۇۋەتتى. بىراق، ھەزرىتى ئەيسا جىننى ھەيدىۋېتىپ، بالىنى ساقايتتى ۋە ئۇنى ئاتىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. كۆپچىلىك خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە ھەيران بولۇشتى. كۆپچىلىك ھەزرىتى ئەيسانىڭ قىلغان پۈتۈن ئىشلىرىغا ھەيران بولۇپ تۇرغاندا، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا: - ئاڭلاپ قويۇڭلار، بىرسىنىڭ ساتقۇنلۇقى بىلەن، ئىنسانئوغلى باشقىلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ، - دېدى. بىراق، ئۇلار بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلمىدى. چۈنكى، بۇنىڭ مەنىسى قەستەن يوشۇرۇلغانىدى. ئۇلار ئۇنىڭدىن بۇ سۆزنىڭ تېگىنى سوراشقىمۇ پېتىنالمىدى. شاگىرتلار زادى كىمنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى ئۆزئارا تالاش-تارتىش قىلىشىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا كىچىك بىر بالىنى يېنىدا تۇرغۇزۇپ، شاگىرتلارغا: - كىم مېنى دەپ، بۇنداق كىچىك بالىنى قوبۇل قىلسا، مېنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. مېنى قارشى ئالسا، مېنى ئەۋەتكۈچىنى قارشى ئالغان بولىدۇ. ئاراڭلاردا ئۆزىنى ئەڭ تۆۋەن تۇتقىنى خۇدانىڭ نەزىرىدە ئەڭ ئۇلۇغ بولىدۇ، - دېدى. يۇھاننا ھەزرىتى ئەيساغا: - ئۇستاز، سىزنىڭ نامىڭىز بىلەن جىنلارنى ھەيدەۋاتقان بىرسىنى كۆردۇق. لېكىن، ئۇ بىزگە ئوخشاش سىزگە ئەگەشمىگەنلىكى ئۈچۈن، بىز ئۇنى توستۇق، - دېدى. - ئۇنى توسماڭلار. چۈنكى، سىلەرگە قارشى تۇرمىغانلار سىلەرنى قوللىغانلاردۇر، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا. ھەزرىتى ئەيسا ئۆلۈپ ئاندىن تىرىلىپ، ئاسمانغا ئېلىپ كېتىلىدىغان كۈنگە ئاز قالغاندا، يېرۇسالېمغا بېرىشنى قەتئىي قارار قىلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ ئالدىن ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلار سامارىيە ئۆلكىسىدىكى بىر يېزىغا كېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ كېلىشى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشقا كىرىشتى. بىراق، سامارىيىلىكلەر ھەزرىتى ئەيسانى «يېرۇسالېمغا ئىبادەت قىلىشقا بارىدىكەن» دەپ، قارشى ئالمىدى. ئۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن ياقۇپ بىلەن يۇھاننا بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ: - ئى رەببىم، ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋېتىش ئۈچۈن ئاسماندىن ئوت ياغدۇرۇشنى ئۆتۈنسەك قانداق دەيسىز؟ - دېدى. لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا بۇرۇلۇپ ئۇلارنى ئەيىبلىدى. ئاندىن، ئۇلار باشقا بىر يېزىغا كەتتى. ئۇلار يولدا كېتىۋاتقاندا، بىر كىشى ھەزرىتى ئەيساغا: - سىز قەيەرگە بارماڭ، مەن سىزگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، - دېدى. بىراق، ھەزرىتى ئەيسا: - تۈلكىنىڭ ئۆڭكۈرى، قۇشنىڭ ئۇۋىسى بار. بىراق، ئىنسانئوغلىنىڭ بېشىنى قويغۇدەك يېرىمۇ يوق، - دېدى ئۇنىڭغا. ئۇ يەنە باشقا بىر كىشىگە: - ماڭا ئەگەشكىن! - دېدى. بىراق، ھېلىقى كىشى باھانە كۆرسىتىپ: - ئۇستاز، ئاتام ئۆلۈپ ئۇنى يەرلىككە قويغۇچە كۈتۈپ، ئاندىن سىزگە ئەگىشەيچۇ! - دېدى. - ئۆلگەنلەرنى روھى ئۆلۈكلەر ئۆزلىرى يەرلىككە قويسۇن! سەن بولساڭ بېرىپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا دائىر خۇش خەۋەرنى تارقات، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا. يەنە بىرسى: - ئەي ئۇستاز، مەن سىزگە ئەگەشمەكچىمەن. بىراق، ئاۋۋال ئۆيۈمگە بېرىپ، ئۆيدىكىلەر بىلەن خوشلىشىپ كېلەي، - دېدى. - قوش ھەيدەۋېتىپ، توختىماي كەينىگە قارايدىغان ئادەمدەك، بۇرۇنقى ھاياتىڭلاردىن مېھرىڭلارنى ئۈزەلمىسەڭلار، خۇداغا خىزمەت قىلىشقا لايىق بولمايسىلەر، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا. شۇ ئىشلاردىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلاردىن يەنە يەتمىش ئىككىنى تاللاپ، ئۆزى بارماقچى بولغان شەھەر-يېزىلارغا ئىككى-ئىككىدىن ئەۋەتتى. ئۇلار يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - قۇتقۇزۇلۇشقا ئىنتىلىدىغانلار مول ھوسۇلدەك كۆپ، بىراق ھوسۇلنى ئېلىش ئۈچۈن ئىشلەيدىغانلار ئاز ئىكەن. ھوسۇلنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدادىن كۆپرەك ئىشچى ئەۋەتىپ، ھوسۇلنى يىغىۋېلىشنى تىلەڭلار. ئەمدى يولغا چىقىڭلار. مەن سىلەرنى قوزىلارنى بۆرىلەرنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتكەندەك ئەۋەتىمەن. ھەميان، خۇرجۇن ۋە ئاياغمۇ ئالماڭلار. يولدا كىشىلەر بىلەن كۆرۈشكەندە، پاراڭلىشىشقىمۇ توختىماڭلار. قايسى ئۆيگە كىرسەڭلار، ئالدى بىلەن: «ئائىلەڭلارغا خۇدادىن ئامانلىق تىلەيمەن!» دەڭلار. ئۇ ئۆيدە خۇدادىن كېلىدىغان ئامانلىقنى سۆيگۈچى بولسا، تىلىگەن ئامانلىقىڭلار ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولىدۇ. ئەگەر بولمىسا، تىلىگەن ئامانلىقىڭلار ئۆزۈڭلارغا يانىدۇ. ئۇ ئۆيدىن بۇ ئۆيگە يۆتكىلىپ يۈرمەڭلار، بەلكى چۈشكەن ئۆيدە تۇرۇڭلار ۋە ئۆيدىكىلەرنىڭ بەرگىنىنى يەڭلار، چۈنكى خىزمەتكار كىمگە خىزمەت قىلسا، شۇنىڭدىن ئىش ھەققى ئېلىشقا ھەقلىق. بىرەر شەھەرگە بارغىنىڭلاردا، بىرسى سىلەرنى قارشى ئېلىپ، ئالدىڭلارغا نېمە قويسا، شۇنى يەڭلار. ئۇ شەھەردىكى كېسەللەرنى ساقايتىڭلار ۋە ئۇ يەردىكى كىشىلەرگە: «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرگە نامايان بولۇش ئالدىدا تۇرىدۇ!» دەڭلار. بىراق، بىرەر شەھەرگە بارغىنىڭلاردا، ئۇ يەردىكى كىشىلەر سىلەرنى قارشى ئالمىسا، كۆپچىلىك ئالدىدا: «خۇدادىن كېلىدىغان جازاغا ئۆزلىرىڭلارنىڭ جاۋابكار بولىدىغانلىقىڭلارنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بىز شەھىرىڭلارنىڭ ئايىغىمىزغا قونغان توپىسىنىمۇ قېقىپ چۈشۈرۈۋېتىمىز!» دەپ ئاگاھلاندۇرۇڭلار ۋە ئۇلارغا: «بىلىشىڭلار كېرەككى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرگە راستتىنلا نامايان بولغانىدى!» دەڭلار. بىلىپ قويۇڭلاركى، ئۇ شەھەردىكىلەرنىڭ قىيامەت كۈنى تارتىدىغان جازاسى سودوم شەھىرىدىكى رەزىل كىشىلەرنىڭ تارتىدىغان جازاسىدىنمۇ ئېغىر بولىدۇ. - ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قورازىنلىقلار! ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي بەيتسايدالىقلار! سىلەر ئۈچۈن ياراتقان مۆجىزىلىرىمنى تىر ۋە سىدون دېگەن ياتلار شەھەرلىرىدە ياراتقان بولسام، ئۇ يەرلەردىكى خەلق بۇرۇنلا مەيۈسلەنگەن ھالدا ماتاغا يۆگىنىپ، كۈلگە مىلىنىپ گۇناھلىرىغا توۋا قىلغان بولاتتى. قىيامەت كۈنى، خۇدانىڭ سىلەرگە بېرىدىغان جازاسى تىر ۋە سىدوندىكىلەرنىڭكىدىنمۇ ئېغىر بولىدۇ. ئەي كەپەرناھۇملۇقلار! ئاسمانغا چىقماقچىمىدىڭلار؟ ئەكسىچە، دوزاخقا تاشلىنىسىلەر! ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا يەنە: - كىمدەكىم سىلەرنىڭ سۆزۈڭلارغا كىرسە، مېنىڭ سۆزۈمگە كىرگەن بولىدۇ. كىمدەكىم سىلەرنى رەت قىلسا، مېنىمۇ رەت قىلغان بولىدۇ. مېنى رەت قىلغانلار مېنى ئەۋەتكۈچىنىمۇ رەت قىلغان بولىدۇ، - دېدى. ھېلىقى يەتمىش ئىككى شاگىرت خۇشال-خۇرام ھالدا قايتىپ كېلىپ: - ئى رەببىمىز! بىز سىزنىڭ نامىڭىزدىن بۇيرۇق قىلغانىدۇق، ھەتتا جىنلارمۇ بىزگە بويسۇنۇپ، چىقىپ كېتىشتى! - دەپ مەلۇم قىلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - شۇنداق! شەيتاننىڭ ئاسماندىن چاقماقتەك تېز چۈشكەنلىكىنى كۆردۈم. قۇلاق سېلىڭلار! مەن سىلەرگە يىلان-چاياندەك شەيتاننى ئاياغ ئاستىڭلاردا يانجىپ تاشلىيالايدىغان، ئۇنىڭ بارلىق كۈچ-قۇدرىتىنى بېسىپ چۈشىدىغان ھوقۇق بەردىم. سىلەرگە ھېچقانداق نەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. لېكىن، سىلەر جىنلارنىڭ بويسۇنغانلىقى بىلەنلا خۇشال بولۇپ كەتمەڭلار، بەلكى خۇدانىڭ نامىڭلارنى ئەرشتىكى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈشى بىلەن خۇشال بولۇڭلار، - دېدى. بۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسا مۇقەددەس روھنىڭ تەسىرى بىلەن خۇرسەنلىككە چۆمگەن ھالدا مۇنداق دېدى: - پۈتۈن ئالەمنىڭ ئىگىسى بولغان ئى ئاتا! سەن بۇ ھەقىقەتلەرنى ئۆزىنى ئەقىللىق، بىلىملىك چاغلايدىغان كىشىلەردىن يوشۇرۇپ، كىچىك بالىلاردەك سەبىي كىشىلەرگە ئاشكارىلىغانلىقىڭ ئۈچۈن، ساڭا مەدھىيىلەر ئوقۇيمەن. شۇنداق ئاتا، سېنىڭ ئۆز خاھىشىڭ ئەنە شۇ ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئەتراپىدىكىلەرگە: - ئاتام ھەممىنى ماڭا ئاتا قىلدى. مېنىڭ كىملىكىمنى ئاتامدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئاتامنىڭ كىملىكىنىمۇ مەن ۋە مەن ئۆزۈم ئاشكارىلاشنى خالايدىغان كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ، - دېدى. ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا قاراپ، ئاستىغىنا: - كۆرگەن ئىشلارنى كۆرەلىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن نەقەدەر بەختلىكسىلەر! بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇرۇنقى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ۋە پادىشاھلار سىلەر كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلارنى كۆرۈشنى ۋە ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، مۇرادىغا يېتەلمىدى، - دېدى. تەۋرات ئۇستازلىرىدىن بىرى ھەزرىتى ئەيسانى سىنىماقچى بولۇپ: - ئۇستاز، مەن قانداق قىلسام مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشەلەيمەن؟ - دەپ سورىدى. - تەۋرات قانۇنىدا نېمە دېيىلگەن؟ بۇنى ئۆزىڭىز قانداق چۈشەندۈرىسىز؟ - دەپ سورىدى ھەزرىتى ئەيسا. ھېلىقى كىشى مۇنداق جاۋاب بەردى: - «پەرۋەردىگارىڭ بولغان خۇدانى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن كۈچۈڭ ۋە پۈتۈن زېھنىڭ بىلەن سۆيگىن»؛ بۇنىڭدىن قالسا، «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي.» - توغرا جاۋاب بەردىڭىز. مانا شۇنداق قىلسىڭىز، مەڭگۈ ياشايسىز، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا. ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ سوئال سورىشىنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ھەزرىتى ئەيسادىن چۈشەندۈرۈش تەلەپ قىلىپ: - مېنىڭ سۆيۈشكە تېگىشلىك قوشنىلىرىم كىملەر؟ - دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - بىر ئادەم يېرۇسالېمدىن ئېرىخا شەھىرىگە كېلىۋېتىپ، يولدا قاراقچىغا ئۇچراپ قاپتۇ. قاراقچىلار ئۇنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى سالدۇرۇۋېلىپ، ئۇنى ئۇرۇپ، چالا ئۆلۈك قىلىپ، تاشلاپ كېتىپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي، بىر يەھۇدىي روھانىي شۇ يولدىن كېلىۋېتىپ، ھېلىقى ئادەمنى كۆرۈپ، پىسەنت قىلماي يولنىڭ ئۇ چېتى بىلەن مېڭىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. شۇنىڭدەك، مەركىزىي ئىبادەتخانىدا ئىشلەيدىغان لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان بىر خىزمەتچىمۇ بۇ يەرگە كەلگەندە، ئۇ بىچارە ئادەمنى كۆرۈپ، كارى بولماي يولنىڭ ئۇ چېتى بىلەن مېڭىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. لېكىن، يەھۇدىيلار يامان كۆرىدىغان سامارىيىدىن كەلگەن بىر كاپىر بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئۇنى كۆرۈپلا ئىچ ئاغرىتىپتۇ ۋە ئالدىغا بېرىپ، ياغ ۋە شاراب بىلەن جاراھىتىنى يۇيۇپ، تېڭىپ قويۇپتۇ، ئاندىن ئۇنى ئۆز ئېشىكىگە مىندۈرۈپ، بىر سارايغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇ يەردە ھالىدىن خەۋەر ئاپتۇ. ئەتىسى، سارايۋەنگە ئىككى كۈمۈش تەڭگە بېرىپ: «ئۇنىڭغا قاراپ قويۇڭ، ئارتۇق چىقىمى بار بولسا، قايتىشىمدا تۆلەيمەن» دەپتۇ. ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى ئۇستازدىن: - سىزچە، بۇ ئۈچ ئادەم ئىچىدە قايسىسى قاراقچىلارغا يولۇققان ھېلىقى كىشىگە قوشنىدارچىلىقنى يەتكۈزگەن؟ - دەپ سورىدى. - ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق قىلغان ھېلىقى كىشى، - دەپ جاۋاب بەردى ئۇ. - ئۇنداق بولسا، سىزمۇ بېرىپ، باشقىلارغا شۇنداق قىلىڭ، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا. ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن بىللە سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بىر يېزىغا كەلدى. ئۇ يەردە مارتا ئىسىملىك بىر ئايال ئۇنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى. مارتانىڭ مەريەم ئىسىملىك بىر سىڭلىسى بار ئىدى. ئۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئايىغى تەرەپتە ئولتۇرۇپ، تەلىمىنى ئاڭلاۋاتاتتى. ئۆيدىكى ئىشلارنىڭ كۆپلۈكىدىن پايپېتەك بولۇپ يۈرگەن مارتا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: - ئى رەببىم، سىڭلىم مەريەم شۇنچە كۆپ ئىشلارنى ماڭىلا تاشلىۋەتتى، ئۇنى ماڭا ياردەملەشتۈرگەيسىز! - دېدى. بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئەي مارتا، سەن زىيادە ئىشلارغا باش قاتۇرۇپ ئاۋارە بولۇپ يۈرۈۋاتىسەن. بىراق، بىرلا مۇھىم ئىش بار. مەريەم شۇ ياخشى ئىشنى تاللىۋالدى. بۇنى ھېچكىم ئۇنىڭدىن تارتىۋالالمايدۇ. بىر كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا بىر يەردە دۇئا قىلىۋاتاتتى. دۇئا ئاياغلاشقاندىن كېيىن، شاگىرتلىرىدىن بىرى ئۇنىڭغا: - ئى رەببىم، يەھيا پەيغەمبەر ئۆز شاگىرتلىرىغا ئۆگەتكىنىدەك، سىزمۇ بىزگە دۇئا قىلىشنى ئۆگىتىپ قويسىڭىز، - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: - دۇئا قىلغىنىڭلاردا، مۇنداق دەڭلار: «ئى ئاتىمىز، سېنىڭ نامىڭ ئۇلۇغلانغاي. پادىشاھلىقىڭ يەر يۈزىدىمۇ نامايان بولغاي. كۈندىلىك يېمەكلىكىمىزنى بەرگەيسەن. بىزگە گۇناھ قىلغان ھەركىمنى كەچۈرگىنىمىزدەك، سەنمۇ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن. بىزنى ئازدۇرۇلۇشلاردىن ساقلاپ قالغايسەن.» ھەزرىتى ئەيسا سۆزىنى داۋام قىلىپ شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى: - ئەگەر يېرىم كېچىدە دوستۇڭنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، «بۇرادەر، ماڭا ئۈچ نان بېرىپ تۇر، ئۆيۈمگە بىر دوستۇم سەپەر بىلەن كەلگەنىدى، ئۆيدە ئۇنى كۈتكۈدەك بىر نەرسە قالماپتۇ» دېسەڭ، دوستۇڭ ئۆيىنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ، «مېنى ئاۋارە قىلما، ئىشىك تاقاقلىق، بالىلار، ھەممىمىز يېتىپ قالدۇق. خاپا بولما!» دەپ جاۋاب بېرىشى مۇمكىنمۇ؟ ياق، ئۇ دوستلۇقنىڭ يۈزىنى قىلمىغان تەقدىردىمۇ، سېنىڭ تارتىنماستىن قايتا-قايتا يالۋۇرۇشۇڭ ۋەجىدىن بولسىمۇ، ئورنىدىن تۇرۇپ، سورىغان نەرسەڭنى چوقۇم بېرىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەر دۇئا قىلىپ تىلەڭلار، خۇدا تىلىگىنىڭلارنى بېرىدۇ. ئىزدەڭلار، تاپىسىلەر. ئىشىكنى قېقىڭلار، ئېچىلىدۇ. چۈنكى، تىلىگەنلەر چوقۇم ئېرىشىدۇ، ئىزدىگەنلەر چوقۇم تاپىدۇ، ئىشىكنى قاققانلارغا ئىشىك چوقۇم ئېچىلىدۇ. سىلەر بېلىق تەلەپ قىلغان ئوغلۇڭلارغا يىلان بېرەتتىڭلارمۇ؟ تۇخۇم تەلەپ قىلسا، چايان بېرەتتىڭلارمۇ؟ گۇناھكار بولغان سىلەر پەرزەنتلىرىڭلارغا ياخشى نەرسىلەرنى بېرىشنى بىلگەن يەردە، ئەرشتىكى ئاتاڭلار تىلىگەنلەرگە مۇقەددەس روھىنى ئىلتىپات قىلماسمۇ؟ بىر كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا بىر ئادەمنى گاچا قىلىپ قويغان جىننى ئۇنىڭ تېنىدىن ھەيدەپ چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن، گاچا زۇۋانغا كەلدى. كۆپچىلىك بۇنىڭغا ئىنتايىن ھەيران بولۇشتى. بىراق بەزى كىشىلەر: «ئۇ، جىنلارنى ئۇلارنىڭ باشلىقى بولغان شەيتانغا تايىنىپ ھەيدىۋېتىدۇ» دېدى. يەنە بەزىلەر ئۇنىڭ خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلىكىنى سىناپ بېقىش مەقسىتىدە، ئۇنىڭدىن بىر كارامەت كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - ئەگەر بىر دۆلەتتىكىلەر ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ سوقۇشسا، ئۇ دۆلەت زاۋاللىققا يۈز تۇتىدۇ. بىر ئائىلىدىكىلەر ئۆزئارا جېدەل-ماجىرا قىلىشسا، ئۇ ئائىلىمۇ ۋەيران بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، شەيتان ئۆز باشقۇرۇشىدا بولغان جىنلار بىلەن سوقۇشسا، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى قانداقمۇ پۇت تىرەپ تۇرالىسۇن؟ سىلەر مېنى، «جىنلارنى شەيتانغا تايىنىپ ھەيدەيدىكەن» دەيسىلەر. ئەگەر دەرۋەقە شۇنداق بولسا، سىلەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىڭلار جىنلارنى ھەيدەشتە كىمگە تاياندى؟! ئېيتقانلىرىڭلارنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىڭلار دەلىللەپ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، مەن خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە تايىنىپ جىنلارنى ھەيدىۋەتتىم. بۇ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئاراڭلاردا نامايان بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ئەگەر تولۇق قوراللانغان كۈچتۈڭگۈر شەيتان ئۆز ئۆيىنى قوغداپ تۇرسا، ئۇنىڭ مال-مۈلكى بىخەتەر بولىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭدىن كۈچتۈڭگۈر بىرى ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى يەڭسە، ئۇنىڭ تايانغان قوراللىرىنى تارتىۋالىدۇ ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى ئولجا ئېلىپ، ئۆز ئادەملىرىگە تارقىتىپ بېرىدۇ. مەن بىلەن بىر يولدا ماڭمىغانلار ماڭا قارشى تۇرغۇچىلاردۇر. ماڭا يىغىۋېلىشقا ياردەم بەرمىگەنلەر توزۇتۇۋەتكۈچىلەردۇر. جىن بىرەر ئادەمنىڭ تېنىدىن ھەيدىۋېتىلگەندىن كېيىن، قۇرغاق دالالارنى ئارىلاپ چىقىپ، تۇرىدىغان جاي ئىزدەيدۇ. تاپالمىغاندىن كېيىن، «ئىلگىرىكى ئۆيۈمگە قايتاي!» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن، جىن ئۇ ئادەمنىڭ تېنىگە قايتىپ كېلىپ، ھېلىقى ئادەمنىڭ دىلىنىڭ پاكىز تازىلىنىپ رەتلەنگەن ئۆيدەك بولۇپ قالغانلىقىنى بايقايدۇ-دە، ئۆزىدىنمۇ بەتتەر يەتتە جىننى باشلاپ كىرىپ بىللە تۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ھېلىقى ئادەمنىڭ كېيىنكى ھالى بۇرۇنقىدىنمۇ يامانلىشىپ كېتىدۇ. ھەزرىتى ئەيسا بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا، كۆپچىلىك ئارىسىدا بىر ئايال يۇقىرى ئاۋازدا: - سىزنى تۇغۇپ، بېقىپ چوڭ قىلغان ئايال نەقەدەر بەختلىك-ھە! - دېدى. - خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىغان كىشى ئۇنىڭدىنمۇ بەختلىك! - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. شۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئەتراپىغا نۇرغۇن ئادەم ئولىشىۋالغانىدى. ئۇ ئۆزىدىن كارامەت كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغان كىشىلەرگە مۇنداق دېدى: - بۇ زاماننىڭ ئادەملىرى نېمىدېگەن ئوسال! ئۇلار كارامەت كۆرسەت دەپلا تۇرىدۇ. بىراق، سىلەرگە يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ كارامىتىدىن باشقا كۆرسىتىدىغان ئىككىنچى كارامەت يوق. يۇنۇس پەيغەمبەردە يۈز بەرگەن ئىشلار نىنەۋى شەھىرىدىكى خەلققە بىر مۆجىزىلىك ئالامەت بولغىنىغا ئوخشاش، مەندە - ئىنسانئوغلىدا يۈز بېرىدىغان ئىشلارمۇ بۇ ئەۋلادقا يەنە شۇنداق مۆجىزىلىك ئالامەت بولىدۇ. قىيامەت كۈنى ئەرەبىستاندىكى شەبا پادىشاھلىقىنىڭ ئايال پادىشاھى ئورنىدىن تۇرۇپ، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ پادىشاھ سۇلايماننىڭ ئاقىلانە سۆزلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن، ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ كەلگەن. مانا، ھازىر بۇ يەردە پادىشاھ سۇلايماندىنمۇ ئۇلۇغى بار. قىيامەت كۈنى، نىنەۋى شەھىرىدىكى خەلقمۇ قوپۇپ، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇلار يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ تەلىمىنى ئاڭلاپ، يامان يولدىن قايتقان. بىراق، بۇ يەردە يۇنۇس پەيغەمبەردىنمۇ ئۇلۇغ بىرسى سىلەرنى يامان يولدىن قايتىشقا چاقىرسا، قۇلاق سالمىدىڭلار. - ھېچكىم چىراغنى يېقىپ، ئۇنى كۆرۈنمەس يەرگە ياكى داس ئاستىغا يوشۇرۇپ قويمايدۇ. ئەكسىچە، ئۆيگە كىرگەنلەر ئېنىق كۆرەلىسۇن دەپ، ئۇنى چىراغداننىڭ ئۈستىگە قويىدۇ، ئەلۋەتتە. سىلەرنىڭ كۆزۈڭلار تېنىڭلارنىڭ چىرىغىدۇر. ئەگەر كۆزۈڭلار ياخشى بولسا، يەنى كۆزۈڭلار خۇدادا بولسا، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار يورۇقلۇق بىلەن تولىدۇ. ئەگەر كۆزۈڭلار يامان بولسا، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلارنى قاراڭغۇلۇق باسىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھوشيار بولۇڭلاركى، ۋۇجۇدۇڭلاردىكى «يورۇقلۇق» يورۇقلۇق ئەمەس، قاراڭغۇلۇق بولمىسۇن. ئەگەر پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار يورۇقلۇق بىلەن تولۇپ، ئۇنىڭدا قاراڭغۇلۇقتىن قىلچە ئەسەر بولمىسا، خۇددى نۇرلۇق چىراغ سىلەرنى يورۇتۇپ تۇرغاندەك، ھاياتىڭلار پۈتۈنلەي يورۇقلۇقتا بولىدۇ. ھەزرىتى ئەيسا سۆزلىرىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، بىر پەرىسىي ئۇنى ئۆيىگە تاماققا تەكلىپ قىلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۆيگە كىرىپ، داستىخاندا ئولتۇردى. ھېلىقى پەرىسىي ئۇنىڭ تاماقتىن ئىلگىرى قول يۇيۇش دىنىي قائىدىسىنى ئادا قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن ھەيران بولدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - سىلەر پەرىسىيلەر تېشىلا پاكىز يۇيۇلغان چىنە-قاچىلارغا ئوخشايسىلەر. قوللىرىڭلارنى ياخشى يۇيىسىلەر، بىراق ئىچىڭلار ئاچكۆزلۈك ۋە يامانلىق بىلەن تولغان. ئەي نادانلار، تېشىنى ياراتقان خۇدا ئىچىگىمۇ قاراپ ھېساب ئالماسمۇ؟! شۇڭا، كەمبەغەللەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆزۈڭلار ئاچكۆزلۈك بىلەن بېسىپ ياتقان تەئەللۇقاتلىرىڭلارنى ئېھتىياجلىق بولغانلارغا بېرىڭلار. شۇ چاغدىلا، ئىچىڭلار ھەم تېشىڭلار پاك بولىدۇ. ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي پەرىسىيلەر! سىلەر ھەتتا يالپۇز، سۇزاپ قاتارلىق دورا-دەرمانلارنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى خۇداغا ئاتايسىلەريۇ، بىراق ھەققانىيلىق ۋە خۇداغا بولغان مۇھەببەتكە سەل قارايسىلەر. ئالدى بىلەن بۇ ئىشلارنى ئورۇندىشىڭلار كېرەك. باشقا ئىشلارغا كەلسەك، ئۇلارغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي پەرىسىيلەر! سىلەر ئىبادەتخانىدا ئالاھىدە ئورۇندا ئولتۇرۇشقا، بازارلاردا باشقىلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا سالام بېرىپ ھۆرمەتلىشىگە ئامراق. سىلەرگە ۋاي! سىلەر خۇددى كىشىلەر ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، دەسسەپ سېلىپمۇ سېزەلمەيدىغان، سېسىپ كەتكەن قەبرىسىز يەرلىككە ئوخشايسىلەر! - دېدى. مەلۇم بىر تەۋرات ئۇستازى ھەزرىتى ئەيساغا: - ئۇستاز، بۇ سۆزلىرىڭىز بىزگىمۇ ھاقارەت بولدى! - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: - سىلەرگىمۇ ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى! سىلەر قاتتىق دىنىي قائىدەڭلار ئارقىلىق كۆتۈرگىلى بولمايدىغان ئېغىر يۈكلەرنى باشقىلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەيسىلەريۇ، ئۆزۈڭلار بىرەر بارمىقىڭلارنىمۇ مىدىرلىتىپ قويمايسىلەر. سىلەرگە ۋاي! سىلەر ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ئۆلتۈرگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئابىدىلىرىنى چىرايلىق ياسىدىڭلار. بۇ سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋاڭلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ياقلىغىنىڭلاردىن دېرەك بېرىدۇ. چۈنكى، ئۇلار پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرگەن بولسا، سىلەر ئۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ قەبرىلىرىنى ياساپ تۇرۇپ، ئۇلارغا ئىشەنمىدىڭلار. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا ئۆزىنىڭ دانالىقى بىلەن مۇنداق دېگەن: «مەن ئۇلارغا پەيغەمبەر ۋە ئەلچىلىرىمنى ئەۋەتىمەن. بەزىلىرى ئۇلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ، بەزىلىرى ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايدۇ.» ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى! ھەقىقەت خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچىنى قولۇڭلارغا ئېلىۋېلىپ، ئۆزۈڭلار ئۇنىڭ ئىچىگە كىرمىدىڭلار، ھەتتا كىرىشنى خالىغانلارنىمۇ كىرگۈزمىدىڭلار. مىڭلىغان كىشىلەر قىستا-قىستاڭچىلىقتىن بىر-بىرىنى دەسسىۋەتكۈدەك بولۇشۇپ كەتكەنىدى. ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا قاراپ: - سىلەر پەرىسىيلەرنىڭ ئېچىتقۇسىدىن، يەنى ساختىپەزلىكىدىن ھوشيار بولۇڭلار. چاۋىسى چىتقا يېيىلمايدىغان ھېچقانداق يوشۇرۇن ئىش، ئاشكارىلانمايدىغان ھېچقانداق مەخپىيەتلىك يوقتۇر. دېمەك، سىلەرنىڭ مەخپىي قىلغان سۆزلىرىڭلار ئوچۇق-ئاشكارا ئاڭلىنىدۇ. ئۆينىڭ ئىچىدە خۇپىيانە پىچىرلاشقان گەپلىرىڭلارمۇ تۆت تامدىن ئۆتۈپ، خەلقىئالەمگە پۇر كېتىدۇ، - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا يەنە مۇنداق دېدى: - دوستلار، جېنىڭلارنى تېنىڭلاردىن جۇدا قىلىشتىن باشقا زىيانكەشلىك قولىدىن كەلمەيدىغانلاردىن قورقماڭلار. كىمدىن قورقۇش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ قوياي. جېنىڭلارنى ئالغاندىن كېيىن، دوزاخقا تاشلاشقا ھوقۇقلۇق بولغان خۇدادىن قورقۇڭلار. قورقۇشقا تېگىشلىكى ئەنە شۇ. بەش قۇشقاچنى ئىككى تەڭگىگە سېتىۋالغىلى بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بىرىنىمۇ خۇدا ئۇنتۇپ قالغىنى يوق. ھەتتا سىلەرنىڭ ھەربىر تال چېچىڭلارنىڭمۇ ھېسابى بار. شۇنداق ئىكەن، قورقماڭلار، چۈنكى سىلەر خۇدا ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان قۇشقاچتىنمۇ قىممەتلىك-دە! - كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار! - دېدى ھەزرىتى ئەيسا گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ، - ھازىر كۆپچىلىك ئالدىدا مېنى ئېتىراپ قىلغانلارنى كېيىن ئىنسانئوغلىمۇ خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى ئالدىدا ئېتىراپ قىلىدۇ. بىراق، كۆپچىلىك ئالدىدا مېنى رەت قىلغانلار خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى ئالدىدىمۇ رەت قىلىنىدۇ. ئىنسانئوغلىغا قارشى سۆز قىلغانلار كەچۈرۈمگە ئېرىشەلەيدۇ. بىراق، مۇقەددەس روھقا كۇپۇرلۇق قىلغانلار كەچۈرۈمگە ئېرىشەلمەيدۇ. كىشىلەر سىلەرنى، «بۇ ئادەم ھەزرىتى ئەيساغا ئەگەشكەن» دەپ ئىبادەتخانىغا ياكى ھۆكۈمدارلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىپ سوراققا تارتقاندا، «ئۆزۈمنى قانداق ئاقلىسام بولار؟» ياكى «نېمە دېسەم بولار؟» دەپ ئەندىشە قىلماڭلار. چۈنكى، نېمە دېيىشىڭلارنى مۇقەددەس روھ شۇ ۋاقىتتا سىلەرگە ئۆگىتىدۇ. كۆپچىلىك ئىچىدىن بىر كىشى ھەزرىتى ئەيساغا: - ئۇستاز، ئاكامغا ئاتىمىزدىن قالغان مىراستىن ماڭا تېگىشلىكىنى بېرىشنى بۇيرۇسىڭىز، - دېدى. - بۇرادەر، كىم ماڭا سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا قازىلىق قىلىش ياكى مىراسىڭلارنى ئايرىپ بېرىش ھوقۇقىنى بېرىپتۇ؟ - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا. كېيىن، ئۇ كۆپچىلىككە: - ھەر خىل ئاچكۆزلۈكتىن پەخەس بولۇڭلار ۋە ساقلىنىڭلار. چۈنكى، كىشى ھەرقانچە باي بولۇپ كەتسىمۇ، ئۇنىڭ ھاياتى مال-مۈلكىنىڭ كۆپلۈكىگە باغلىق ئەمەس، - دېدى ھەمدە ئۇلارغا مۇنداق بىر تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى: - بىر باينىڭ يېرى مول ھوسۇل بېرىپتۇ. ئۇ كۆڭلىدە «بۇنچىۋالا ھوسۇلنى قويىدىغان يېرىم يوق. قانداق قىلىشىم كېرەك؟ توغرا، ھازىرقى ئامبارلىرىمنى بۇزۇپ، كېڭەيتىپ قۇرۇپ، ئاشلىق ۋە باشقا مال-مۈلۈكلىرىمنى شۇ يەرگە قويمامدىمەن؟!» دەپ ئويلاپتۇ. ئۇ يەنە ئۆز-ئۆزىگە: «ۋاي-ۋۇي، سەن نېمىدېگەن بەختلىك ئادەم! كۆپ يىل يەتكۈدەك مال-مۈلكۈڭ بار. يەپ-ئىچىپ، تۇرمۇشۇڭنى خۇشال-خۇرام، راھەت ئۆتكۈزمەمسەن؟!» دەپتۇ. لېكىن، خۇدا ئۇنىڭغا:«ئەي ئەخمەق، بۈگۈن كېچىلا ئامانەتنى تاپشۇرىسەن، ئۇنداقتا توپلىغان بارلىق بايلىقىڭ ئەمدى كىمگە قالار؟» دەپتۇ. ھەزرىتى ئەيسا يەكۈنلەپ مۇنداق دېدى: - ئۆزىگە بايلىق توپلىغان، ئەمما خۇدانىڭ نەزىرىدە باي بولمىغان كىشىنىڭ ئاقىۋىتى مانا شۇنداق بولىدۇ. ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى: - شۇڭا بىلىپ قويۇڭلاركى، تۇرمۇشۇڭلارغا كېرەكلىك يېمەك-ئىچمەك ياكى ئۇچاڭلارغا كىيىدىغان كىيىم-كېچەكتىن غەم قىلماڭلار. چۈنكى، ھاياتلىق يېمەك-ئىچمەكتىن، تەن كىيىم-كېچەكتىن كۆپ ئەزىزدۇر. قاغىلارنى ئويلاڭلار! ئۇلار تېرىمايدۇ، يىغمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئامبار، ئىسكىلاتلىرىمۇ يوق. خۇدا ئۇلارنىمۇ ئاچ قويمىغان يەردە، سىلەرنىڭ رىزقىڭلارنى چوقۇم بېرىدۇ. چۈنكى، سىلەر شۇ قۇشلاردىن كۆپ ئەزىز ئەمەسمۇ؟ ئاراڭلاردا قايسىڭلار غەم-قايغۇ بىلەن ئۆمرۈڭلارنى كىچىككىنە ئۇزارتالايسىلەر؟ مانا شۇنچىلىك كىچىك ئىشنىمۇ قىلالمىساڭلار، باشقا ئىشلار ئۈچۈن غەم قىلىشىڭلارنىڭ نېمە ھاجىتى؟! ياۋا گۈللەرنىڭ قانداق ئۆسىدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار! ئۇلار ئىشمۇ قىلمايدۇ، كىيىممۇ تىكمەيدۇ. لېكىن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، ھەتتا ئۇلۇغ پادىشاھ سۇلايماننىڭ ھەشەمەتلىك تونلىرىمۇ بۇ ياۋا گۈللەرنىڭ گۈزەللىكىگە تەڭ كېلەلمەيدۇ. ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار! دالادىكى بۈگۈنى ئېچىلسا، ئەتىسى قۇرۇپ ئوچاققا قالىنىدىغان ئاشۇ گۈل-گىياھلارنى ئاشۇنچە بېزىگەن خۇدا سىلەرنى تېخىمۇ كىيىندۈرمەسمۇ؟ شۇنداق ئىكەن، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ئۈچۈن باش قاتۇرماڭلار. ھېچنېمىدىن ئەنسىرىمەڭلار بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى مانا شۇ نەرسىلەر ئۈچۈن ئىزدىنىدۇ. بىراق، ئەرشتىكى ئاتاڭلار سىلەرنىڭ بۇ نەرسىلەرگە موھتاجلىقىڭلارنى بىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدە ئىزدىنىڭلار. ئۇ چاغدا، خۇدا سىلەرگە مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوشۇپ تەقدىم قىلىدۇ. - قوزىلىرىم، قورقماڭلار! سىلەر ئاز ۋە ئاجىز بولساڭلارمۇ، ئاتاڭلار ئۆز پادىشاھلىقىدىن سىلەرنىڭمۇ بەھرىمەن بولۇشۇڭلارنى لايىق كۆردى. مال-مۈلكۈڭلارنى سېتىپ، كەمبەغەللەرگە سەدىقە بېرىڭلار. ئۆزۈڭلارغا ئۇپرىمايدىغان ھەميان ھازىرلاڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئوغرى ئالمايدىغان، كۈيە يېمەيدىغان جاي - ئەرشتە خەزىنە توپلىغان بولىسىلەر. بايلىقىڭلار قەيەردە بولسا، قەلبىڭلارمۇ شۇ يەردە بولىدۇ. - خۇددى بېلىنى چىڭ باغلاپ، چىراغلىرىنى ياندۇرۇپ، خوجايىنىنىڭ توي زىياپىتىدىن قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان چاكارلاردەك، ھەر دائىم تەييار تۇرۇڭلار. خوجايىن كېلىپ ئىشىكنى قاققاندا، چاكارلار دەرھال چىقىپ ئىشىكنى ئېچىشى كېرەك. خوجايىن قايتىپ كەلگەندە چاكارلىرىنىڭ ئويغاق ۋە تەييار تۇرغانلىقىنى كۆرسە، بۇ چاكارلارنىڭ بەختىدۇر! بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇنى كۆرگەن خوجايىن چاكارلارنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، ئۇلارنى داستىخانغا ئولتۇرغۇزۇپ، شەخسەن ئۆزى كۈتۈۋالىدۇ. ھەتتا خوجايىن يېرىم كېچىدە ياكى سەھەردە كەلسۇن، ئۇ چاكارلىرىنىڭ ئويغاقلىقىنى كۆرسە، بۇ چاكارلارنىڭ بەختىدۇر! بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەگەر ئۆي ئىگىسى ئوغرىنىڭ كېچىسى قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىلسە، ئوغرىنىڭ ئۆيگە بۇزۇپ كىرىشىگە ھەرگىز يول قويمايدۇ، ئەلۋەتتە! شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ھەر دائىم تەييار تۇرۇڭلار. چۈنكى، ئىنسانئوغلى سىلەر ئويلىمىغان چاغدا قايتىپ كېلىدۇ. - ئى رەببىم، بۇ تەمسىللەرنى بىزگىلا قارىتىپ ئېيتتىڭىزمۇ ياكى كۆپچىلىككە قارىتىپمۇ؟ - دەپ سورىدى پېترۇس. ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - كىم ئىشەنچلىك ۋە زېرەك چاكار بولسا، خوجايىن ئۇنى باشقا چاكارلىرى ئۈستىدىن كۆزىتىپ، خوجايىننىڭ ئوزۇق-تۈلۈكىنى ئۇلارغا ۋاقتى-ۋاقتىدا تەقسىم قىلىپ بېرىشكە قويىدۇ. خوجايىن سەپىرىدىن قايتىپ كېلىپ، چاكىرىنىڭ شۇنچىلىك ساداقەت بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقىنىنى كۆرسە، بۇ چاكارنىڭ بەختى! بىلىپ قويۇڭلاركى، خوجايىن ئۇنى پۈتۈن تەئەللۇقاتىنى باشقۇرۇشقا قويىدۇ. لېكىن، ئەگەر بۇ چاكار كۆڭلىدە «خوجايىنىم كېچىكىپ قايتىپ كېلىدىغۇ» دەپ، باشقا ئەر، ئايال چاكارلارغا نوچىلىق قىلسا ۋە يەپ-ئىچىپ مەس بولسا، خوجايىن كۈتۈلمىگەن بىر كۈنى، ئويلىمىغان بىر ۋاقىتتا قايتىپ كېلىپ، ئۇنى ئۇرۇپ چالا ئۆلۈك قىلىپ، ئېتىقادسىزلار بىلەن ئوخشاش تەقدىرگە دۇچار قىلىدۇ. خوجايىنىنىڭ نېمە تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، رۇسلىنىپ تۇرمىغان ۋە خوجايىنىنىڭ دېگىنىنى قىلمىغان چاكار قاتتىق تاياق يەيدۇ. بىراق، خوجايىنىنىڭ تەلىپىنى بىلمەي تۇرۇپ، تاياق يېيىشكە تېگىشلىك ئىشنى قىلغان چاكار يېنىكرەك تاياق يەيدۇ. خۇدا كىمگە كۆپ بەرسە، ئۇنىڭدىن كۆپ كۈتىدۇ. چۈنكى، كىمگە كۆپ ئامانەت قويۇلغان بولسا، ئۇنىڭدىن تەلەپ قىلىنىدىغىنىمۇ كۆپ بولىدۇ. - مەن دۇنياغا ئوت يېقىشقا كەلدىم. بۇ ئوتنىڭ يېنىپ كېتىشىنى نەقەدەر ئارزۇ قىلىمەن-ھە! مەن ئالدى بىلەن ئازابلىق «چۆمۈلدۈرۈش»~تىن ئۆتۈشۈم كېرەك. بۇ چۆمۈلدۈرۈش ئەمەلگە ئاشقۇچە ئىنتايىن قىينىلىۋاتىمەن. سىلەر مېنى دۇنياغا تىنچلىق ئېلىپ كەلدىمىكىن، دەپ ئويلاپ قالماڭلار. مەن تىنچلىق ئەمەس، بۆلۈنۈش ئېلىپ كەلدىم! بۇنىڭدىن كېيىن، بىر ئائىلىدىكىلەر بىر-بىرسىگە قارشى تۇرىدۇ. «ئۇ ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىسى» دەپ، ئاتا ئوغلىغا، ئوغۇل ئاتىسىغا، ئانا قىزىغا، قىز ئانىسىغا، قېينانا كېلىنىگە، كېلىن قېينانىسىغا قارشى تۇرىدۇ. ئەي ساختىپەزلەر! سىلەر ئاسمان-زېمىننىڭ رەڭگىنى چۈشەندۈرەلەيسىلەريۇ، ھازىرنىڭ نېمە ۋاقىت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرەلمەمسىلەر؟! نېمىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە سىلەر ئۆزۈڭلار نېمىشقا ھۆكۈم قىلىپ باقمايسىلەر؟! ئەگەر بىرى ئۈستۈڭلاردىن ئەرز قىلىپ، سىلەرنى سوتقا ئېلىپ بارماقچى بولسا، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە، ئالدىنئالا ئۇنىڭ بىلەن يارىشىۋېلىڭلار. بولمىسا، ئۇ سىلەرنى سوتچىغا، سوتچى بولسا قاراۋۇلغا تاپشۇرۇپ، زىندانغا سولىتىۋېتىدۇ. بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەرگە قويۇلغان جەرىمانىنىڭ بىر تىيىنىنىمۇ قويماي تۆلىمىگۈچە، زىنداندىن چىقالمايسىلەر! شۇ چاغدا، بىرنەچچە كىشى كېلىپ، ھەزرىتى ئەيساغا بىر قىسىم جەلىلىيىلىكلەرنىڭ مەركىزىي ئىبادەتخانىدا قۇربانلىق قىلىۋاتقىنىدا، ۋالىي پىلاتۇس تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۇلارنىڭ قېنىنىڭ قۇربانلىقنىڭ قېنى بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - بۇ جەلىلىيىلىكلەرنىڭ باشقا جەلىلىيىلىكلەردىن كۆپرەك گۇناھى بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنچىلىك جاپا چەكتى، دەپ قارامسىلەر؟ ياق، ئۇنداق ئەمەس! گۇناھلىرىڭلارغا توۋا قىلمىساڭلار، سىلەرمۇ ئاشۇلاردەك ھالاك بولىسىلەر. سىلوھا مەھەللىسىدىكى مۇنار ئۆرۈلۈپ چۈشكەندە تېگىدە قېلىپ ئۆلگەن ئون سەككىز كىشىنى قانداق دەيسىلەر؟ ئۇلارنى يېرۇسالېمدىكى باشقا كىشىلەردىنمۇ يامان، دەپ قارامسىلەر؟ ئۇنداق ئەمەس! بىلىپ قويۇڭلاركى، گۇناھلىرىڭلارغا توۋا قىلمىساڭلار، سىلەرمۇ ھالاك بولىسىلەر. ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا بۇ تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى: - بىر كىشىنىڭ بېغىدا بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخى بار ئىكەن. ئۇ كىشى بۇ دەرەختىن مېۋە كۈتۈپتۇ، لېكىن دەرەخ مېۋە بەرمەپتۇ. ئۇ كىشى باغۋەنگە: «قارا، ئۈچ يىلدىن بېرى شۇنچە كۈتسەم، بىر تالمۇ مېۋە بەرمىدى، ئۇنى كېسىۋەت! ئۇنىڭ بۇ يەردە يەر ئىگىلەپ تۇرۇشىنىڭ نېمە ھاجىتى» دەپتۇ. «خوجايىن، يەنە بىر يىل ۋاقىت بېرىڭ. ئۇنىڭ تۈۋىدىكى توپىلارنى يۇمشىتىپ، ئوغۇتلاپ باقاي. ئەگەر كېلەر يىلى مېۋە بەرسە، تېخى ياخشى. بەرمىسە، كېسىۋېتەيلى» دەپتۇ باغۋەن. بىر دەم ئېلىش كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا بىر ئىبادەتخانىدا كىشىلەرگە تەلىم بېرىۋاتاتتى. ئۇ يەردە ئۇ، جىن چاپلاشقىلى ئون سەككىز يىل بولغان بىر ئايالنى كۆردى. بۇ ئايالنىڭ بېلى پۈكۈلگەن بولۇپ، رۇسلىنىپ تىك تۇرالمايتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى كۆرگەندە، يېنىغا چاقىرىپ: - خانىم، كېسىلىڭىز ساقايدى! - دەپ، قولىنى ئۇنىڭ ئۇچىسىغا قويۇۋىدى، ھېلىقى ئايال دەرھال رۇسلىنىپ تىك تۇرۇپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇدى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ دەم ئېلىش كۈنى كېسەل ساقايتقانلىقىنى كۆرگەن ئىبادەتخانا مەسئۇلى غەزەپ بىلەن كۆپچىلىككە: - ئىش ۋاقتىمىز ئالتە كۈن. شىپالىق ئىزدىگۈچىلەر دەم ئېلىش كۈنىدىن باشقا شۇ ئالتە كۈن ئىچىدە كېلىشى كېرەك، - دېدى. رەببىمىز ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئەي ساختىپەزلەر، دەم ئېلىش كۈنى ئۆكۈز ۋە ئېشىكىڭلارنى ئوقۇردىن يېشىپ، سۇغارغىلى ئېلىپ بارىسىلەرغۇ!؟ بۇ ھەرىكىتىڭلارنى ئىش دەپ ھېسابلىمامسىلەر؟! ئەجدادىمىز ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان بۇ ئايال ئون سەككىز يىلدىن بېرى شەيتاننىڭ سىرتمىقىدا تۇرۇپتۇ. ئەمدى دەم ئېلىش كۈنى بولسىمۇ ئۇنى سىرتماقتىن بوشىتىۋەتسەم يامان بوپتۇمۇ؟! ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ سۆزى رەقىبلىرىنى خىجالەت قىلدى. كۆپچىلىك بولسا ئۇنىڭ ياراتقان ئاجايىپ مۆجىزىلىرىدىن خۇرسەن بولدى. ھەزرىتى ئەيسا تەلىم بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: - خۇدانىڭ پادىشاھلىقى زادى قانداق؟ مەن ئۇنى قانداق سۈرەتلەپ بېرەي؟ ئۇ گويا بىر تال قىچا ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ. گەرچە قىچا ئۇرۇقى كىچىك بولسىمۇ، كىشى ئۇنى تېرىسا، ئۆسۈپ يېتىلىپ كۆچەت بولىدۇ. قۇشلار كېلىپ ئۇنىڭ شاخلىرىدا ئۇۋۇلايدۇ. ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمغا كېتىۋېتىپ، نۇرغۇن شەھەر-يېزىلاردىن ئۆتكەچ، تەلىم بېرىپ ماڭدى. بىرەيلەن ئۇنىڭدىن: - ئى تەقسىر، قۇتقۇزۇلىدىغانلارنىڭ سانى ئازمۇ؟ - دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىككە مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئاز بولسۇن، كۆپ بولسۇن، سىلەر تار ئىشىكتىن كىرىشكە تىرىشىڭلار. چۈنكى، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئىشىكتىن كىرەي دېسىمۇ، كىرەلمەيدۇ. ئۆينىڭ خوجايىنى ئىشىكنى تاقىغان ۋاقتىدا، سىلەر تاشقىرىدا تۇرۇپ: «تەقسىر، ئىشىكنى ئېچىڭ!» دەپ ئىشىكنى قاقساڭلار، ئۇ: «ياق! ئاچمايمەن، چۈنكى سىلەرنى تونۇمايمەن» دەيدۇ. سىلەر: «بىز سىز بىلەن ھەمداستىخان بولغان، سىزمۇ بىزنىڭ كوچىلىرىمىزدا تەلىم بەرگەن» دېسەڭلار، ئۇ سىلەرگە يەنە بىر قېتىم: «سىلەرنى تونۇمايمەن، كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار، ئەي يامانلىق قىلغۇچىلار!» دەيدۇ. سىلەر ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ ۋە بارلىق پەيغەمبەرلەرنى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئىچىدە، ئۆزۈڭلارنى بولسا سىرتقا قوغلىۋېتىلگەن ھالدا كۆرگىنىڭلاردا، ھەسرەتتە يىغلاپ، چىشلىرىڭلارنى غۇچۇرلىتىسىلەر. ئۇ چاغدا، دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدىن نۇرغۇن يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ دۆلەتلىرىدىنمۇ نۇرغۇن كىشىلەر كېلىشىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ھەمداستىخان بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، كەينىدىكىلەر ئالدىغا ئۆتۈپ، ئالدىدىكىلەر كەينىدە قالىدۇ. دەل شۇ چاغدا، بىرنەچچە پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: - بۇ يەردىن باشقا جايغا كېتىڭ. ھىرود خان سىزنى ئۆلتۈرمەكچى، - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىماستىن: - سىلەر بېرىپ ئۇ تۈلكىگە مېنىڭ داۋاملىق جىنلارنى ھەيدەيدىغانلىقىم ۋە كېسەللەرنى ساقايتىدىغانلىقىمنى، ئۇزۇن ئۆتمەيلا يېرۇسالېمدا ۋەزىپەمنى تاماملايدىغانلىقىمنى دەڭلار. شۇنداق ئىكەن، شۇ ۋاقىتقىچە يولۇمنى داۋاملاشتۇرمىسام بولمايدۇ. چۈنكى، بىر پەيغەمبەر ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، يېرۇسالېمدىن باشقا يەردە ئۆلتۈرۈلۈش مۇۋاپىق ئەمەستۇر. ئەي يېرۇسالېملىقلار! پەيغەمبەرلەر ۋە خۇدا ئەۋەتكەن ئەلچىلەرنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرگەن يېرۇسالېملىقلار! گويا مېكىيان ئۆز چۈجىلىرىنى قانات ئاستىغا ئالغاندەك، مەنمۇ سىلەرنى قانچە قېتىم ئۆز قوينۇمغا ئالماقچى بولدۇم، لېكىن سىلەر ئۇنىمىدىڭلار. مانا، ئەمدى خۇدا ئىبادەتخاناڭلاردىن ئايرىلىپ، سىلەرنى تاشلاپ كېتىدۇ. شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر: «رەببىمىز ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچىغا مۇبارەك بولسۇن!» دەپ ماڭا ئىشەنمىگۈچە، مېنى قايتىدىن كۆرەلمەيسىلەر، - دېدى. بىر دەم ئېلىش كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا مۇھىم بىر پەرىسىي ئاقساقىلىنىڭ ئۆيىگە تاماققا باردى. بەزىلەر ئۇنى تۇتۇش كويىدا ئۇنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىنى كۆزىتىۋاتاتتى. ئۇ يەردە سۇلۇق ئىششىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر ئادەم بار ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىكى تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەردىن: - تەۋراتتا دەم ئېلىش كۈنى كېسەل ساقايتىشقا رۇخسەت قىلىنغانمۇ-يوق؟ - دەپ سورىدى. بىراق، ئۇلار گەپ قىلمىدى. ھەزرىتى ئەيسا بولسا ھېلىقى كېسەلگە قولىنى تەگكۈزۈپ، ساقايتىپ يولغا سالدى. ئاندىن، كۆپچىلىككە: - بالاڭلار ياكى كالاڭلار قۇدۇققا چۈشۈپ كەتسە، دەم ئېلىش كۈنى دېمەي، ئۇنى دەرھال تارتىپ چىقىرىۋالمامسىلەر؟! - دېدى. بىراق، ھېچكىم ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ سوئالىغا جاۋاب بېرەلمىدى. بەزى مېھمانلارنىڭ تۆر تالىشىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلغان ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىككە تەمسىل بىلەن مۇنداق دېدى: - تەكلىپ بىلەن توي زىياپىتىگە قاتناشقان ۋاقتىڭىزدا، تۆرگە چىقىۋالماڭ. سىزدىنمۇ ھۆرمەتلىك بىر مېھمان چاقىرىلغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇ چاغدا، ساھىبخانا سىزگە: «بۇ ياققا ئورۇن بەرگەيسىز!» دەپ قالسا، ئىنتايىن خىجالەتچىلىكتە پەگاھقا چۈشۈشكە مەجبۇر بولىسىز. لېكىن، سىز تەكلىپكە بىنائەن كېلىپ، پەگاھتا ئولتۇرغان ۋاقتىڭىزدا، ساھىبخانا سىزگە: «دوستۇم، يۇقىرىغا چىقىڭ!» دېسە، مېھمانلارنىڭ ئالدىدا ئابرويىڭىز بولىدۇ. چۈنكى، خۇدا ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتقاننى تۆۋەن قىلىدۇ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقاننى ئۈستۈن قىلىدۇ. ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنى مېھمانغا چاقىرغان ساھىبخانىغا مۇنداق دېدى: - مېھمان چاقىرغىنىڭىزدا دوست-بۇرادەر، قېرىنداش، ئۇرۇق-تۇغقان ياكى باي قولۇم-قوشنىلىرىڭىزنىلا چاقىرماڭ. ئۇنداقتا، ئۇلارنىڭمۇ سىزنى چاقىرىپ، ئادەمگەرچىلىكىڭىزنى قايتۇرۇۋېتىشىگە توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، زىياپەت بەرمەكچى بولسىڭىز، غېرىب-غۇرۋا، مېيىپ-ناكار، ئاقساق-چولاق، كور-ئەمالارنى چاقىرىڭ. بۇنىڭ بىلەن بەختلىك بولىسىز، چۈنكى ئۇ كىشىلەرنىڭ ياخشىلىقىڭىزنى قايتۇرۇش ئىقتىدارى يوق. لېكىن، خۇدا ھەققانىي كىشىلەرنى قايتا تىرىلدۈرگەندە، بۇ ياخشىلىقىڭىزنى ئۆزى قايتۇرىدۇ. ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغانلاردىن بىرى بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا: - خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدىكى زىياپەتتە ئولتۇرىدىغانلار نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! - دېدى. بىراق، ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق بىر تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى: - بىر كىشى كاتتا زىياپەت ھازىرلاپ، نۇرغۇن مېھمان چاقىرىپتۇ. داستىخان سېلىنغان كۈنى، چاكىرىنى ئەۋەتىپ، چاقىرىلغان مېھمانلارغا: «مەرھەمەت، ھەممە نەرسە تەييار بولدى!» دەپ ئېيتىپتۇ. بىراق، مېھمانلار بارماسلىققا بىر-بىرلەپ باھانە كۆرسىتىپتۇ. بىرىنچىسى: «مەن ھېلى بىر پارچە يەر سېتىۋالغانىدىم، بېرىپ كۆرۈپ كەلمىسەم بولمايدۇ. كەچۈرۈڭ، بارالمايمەن» دەپتۇ. يەنە بىرى: «مەن ئون ئۆكۈز سېتىۋالدىم، ھازىر بېرىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ كېلىشىم كېرەك. كەچۈرگەيسىز، زىياپەتكە داخىل بولالمايدىغان بولدۇم» دەپتۇ. يەنە بىرەيلەن: «مەن يېڭى ئۆيلەنگەن، شۇڭا بارالمايمەن» دەپتۇ. چاكار قايتىپ كېلىپ، ھەممە ئەھۋالنى خوجايىنىغا مەلۇم قىپتۇ. خوجايىن غەزەپلەنگەن ھالدا چاكىرىغا: «دەرھال شەھەرنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىغا كىرىپ، غېرىب-غۇرۋا، مېيىپ-ناكار، كور-ئەما، ئاقساق-چولاقلارنى يىغىپ كەل» دەپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي، چاكار قايتىپ كېلىپ: «خوجايىن، بۇيرۇقىڭىزنى ئادا قىلدىم. يەنە بىرمۇنچە بوش ئورۇن بار!» دەپتۇ. «يېزىدىكى چوڭ-كىچىك ئارقا كوچىلارنى ئارىلاپ، تاپقان ئادىمىڭنى زورلاپ ئەكېلىپ ئۆيۈمنى تولدۇر! چۈنكى، باشتا چاقىرىلغان ئادەملەرنىڭ ھېچقايسىسىنى داستىخىنىمدا ئولتۇرغۇزمايمەن» دەپتۇ خوجايىن ئۇنىڭغا. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىللە كېتىۋاتاتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا قاراپ مۇنداق دېدى: - ماڭا ئەگەشكەنلەر مېنى ئاتا-ئانىسى، بالا-چاقىسى، ئاكا-ئۇكىلىرى، ئاچا-سىڭىللىرى، ھەتتا ئۆز جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرمىسە، مېنىڭ شاگىرتىم بولۇشقا لايىق ئەمەس. ئۆزىنىڭ كرېستىنى يۈدۈپ، ماڭا ئەگەشمىگەنلەرمۇ شاگىرتىم بولۇشقا لايىق ئەمەس. ئەگەر ئاراڭلاردىكى بىرى مۇنار سالماقچى بولسا، ئالدى بىلەن بۇ قۇرۇلۇشنى پۈتكۈزۈش ئۈچۈن يەتكۈدەك پۇل بارمۇ-يوق دەپ، قانچە پۇل كېتىدىغانلىقىنى ئىنچىكە ھېسابلىماي قالامدۇ؟! ئۇنداق قىلمىغاندا، مۇنارنىڭ ئاساسىنى قۇرۇپ قويۇپ، ئۇنى پۈتكۈزەلمىسە، بۇنى كۆرگەنلەر، «بۇ ئادەم قۇرۇلۇشنى باشلاپ قويۇپ، ئايىغىنى چىقىرالمىدى» دەپ زاڭلىق قىلماي قالمايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر بىر پادىشاھنىڭ ئون مىڭ كىشىلىك قوشۇنى بولۇپ، يىگىرمە مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ كېلىۋاتقان ئىككىنچى بىر پادىشاھ بىلەن ئۇرۇشقىلى بارماقچى بولسا، ئۇ جەزمەن ئالدى بىلەن ئۆز كۈچىنى سىناپ، رەقىبىگە تاقابىل تۇرالايدىغان ياكى تۇرالمايدىغانلىقىنى مۆلچەرلەپ كۆرىدۇ ئەمەسمۇ؟! ئەگەر «تاقابىل تۇرالمايمەن» دېگەن قارارغا كەلسە، دۈشمەن قوشۇنى تېخى يىراقتىكى ۋاقتىدا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇلار بىلەن تىنچلىق شەرتنامىسى تۈزۈشنى ئۆتۈنىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، قايسىڭلار بولسۇن بار-يوقۇڭلاردىن ۋاز كەچمىسەڭلار، مېنىڭ شاگىرتىم بولالمايسىلەر. تۇز ياخشى نەرسە. بىراق، تۇز ئۆز كۈچىدىن قالسا، ئۇنى قانداق ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ؟ ئۇنى توپىغا ياكى ئوغۇتقا سېلىشقىمۇ يارىماي، تاشلىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ سۆزلەرنى قۇلىقىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار! باجگىرلار ۋە باشقا گۇناھكار دەپ قارالغانلار ھەمىشە ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، ئۇنىڭ تەلىمىنى ئاڭلايتتى. پەرىسىيلەر بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرى غوتۇلدىشىپ: - بۇ ئادەم نېمىشقا دائىم گۇناھكارلارنى قارشى ئالىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرىدۇ؟ - دېيىشتى. شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسا بۇ ھەقتە ئۇلارغا مۇنداق بىر تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى: - ئەگەر ئىچىڭلاردا بىرەيلەننىڭ يۈز تۇياق قويى بولۇپ، ئۇنىڭدىن بىرى يوقىلىپ كەتكەن بولسا، ئۇ قانداق قىلىدۇ؟ ئۇ جەزمەن قالغان توقسان توققۇز قوينى ئوتلاققا تاشلاپ، ھېلىقى يوقالغان قويىنى تېپىلغۇچە ئىزدەيدۇ. تېپىۋالغاندا، ئىنتايىن خۇرسەن بولۇپ، قوينى مۈرىسىگە ئارتىپ، ئۆيىگە ئېلىپ كېلىدۇ. ئاندىن، قولۇم-قوشنا، يار-بۇرادەرلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا: «يوقالغان قويۇمنى تېپىۋالغىنىمغا ئىنتايىن خۇشالمەن! تەبرىكلەيلى!» دەيدۇ. مانا شۇنىڭغا ئوخشاش، توۋا قىلغان بىر گۇناھكار ئۈچۈن بولىدىغان ئەرشتىكى خۇرسەنلىك توۋا قىلىشى ھاجەتسىز بولغان توقسان توققۇز ئادىل كىشى ئۈچۈن بولىدىغان ئەرشتىكى خۇرسەنلىكتىن چوڭ بولىدۇ. - شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر بىر ئايالنىڭ ئون دانە قىممەتلىك كۈمۈش تەڭگىسى بولۇپ، ئۇنىڭدىن بىرىنى يوقىتىپ قويسا، قانداق قىلىدۇ؟ ئۇ جەزمەن چىراغنى ياندۇرۇپ، ئۆينى سۈپۈرۈپ تاكى تەڭگە تېپىلغۇچە ھەممە يەرنى زەن قويۇپ ئاختۇرۇپ چىقىدۇ. ناۋادا تېپىۋالسا، قولۇم-قوشنا، يار-بۇرادەرلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا: «يوقىتىپ قويغان تەڭگەمنى تېپىۋالغىنىمغا ئىنتايىن خۇشالمەن! تەبرىكلەيلى!» دەيدۇ. مانا شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىمۇ ھەربىر گۇناھكارنىڭ توۋا قىلغىنى ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ. ھەزرىتى ئەيسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: - بىر ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىكەن. كىچىك ئوغلى ئاتىسىغا: «ئاتا، ماڭا تېگىشلىك مىراسلارنى ھازىرلا بەرگەيسىز» دەپتۇ. ئاتىسى مال-مۈلۈكلىرىنى ئىككى ئوغلىغا بۆلۈپ بېرىپتۇ. بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، كىچىك ئوغلى ئۆزىگە تەگكەن مال-مۈلۈكلەرنى يىغىشتۇرۇپ، يىراق بىر دۆلەتكە بېرىپ، ئۇ يەردە مال-دۇنياسىنى خالىغىنىچە بۇزۇپ-چېچىپ، ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ. ئۇنىڭ پۇلى تۈگەپ بېشىغا كۈن چۈشكەندە، دەل ئۇ يەردىمۇ ئېغىر ئاچارچىلىق يۈز بېرىپتۇ. شۇڭا، ئۇ قورساق بېقىش ئۈچۈن، شۇ يەرلىك بىر كىشىگە مەدىكار بولۇشقا مەجبۇر بولۇپتۇ. ئۇ كىشى ئۇنى ئۆز قورۇقىدا چوشقا باقتۇرۇپتۇ. ئۇ چوشقىغا بېرىلىدىغان پۇرچاق پوستى بىلەن قورسىقىنى تويدۇرماقچى بوپتۇ، لېكىن ئۇنىمۇ ھېچكىم بەرمەپتۇ. كېيىن، ئۇ ئەقلىگە كېلىپ: «ئاتامنىڭ مەدىكارلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ يېمەك-ئىچمىكى ئېشىپ-تېشىپ تۇرۇپتۇ. مەن بولسام بۇ يەردە ئاچلىقتىن ئۆلەمدىمەن؟ ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئاتامنىڭ ئالدىغا بېرىپ: ˜ئاتا، مەن خۇدانىڭ ئالدىدىمۇ، سىزنىڭ ئالدىڭىزدىمۇ گۇناھكارمەن. ئەمدى سىزنىڭ ئوغلىڭىز بولۇشقا لايىق ئەمەسمەن. مېنى مەدىكارلىققا قوبۇل قىلغايسىز!Œ دەيمەن» دەپ ئويلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاتىسىنىڭ ئالدىغا قايتىپ بېرىپتۇ. ئاتىسى ئوغلىنى يىراقتىن كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىپ، ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ، ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ سۆيۈپ كېتىپتۇ. ئوغلى: «ئاتا، مەن خۇدانىڭ ئالدىدىمۇ، سىزنىڭ ئالدىڭىزدىمۇ گۇناھكارمەن. ئەمدى سىزنىڭ ئوغلىڭىز بولۇشقا لايىق ئەمەسمەن» دەپتۇ. بىراق، ئاتىسى چاكارلىرىغا: «دەرھال ئەڭ ئېسىل توننى ئەكېلىپ ئۇنىڭغا كىيدۈرۈڭلار، قولىغا ئۈزۈك سېلىڭلار، پۇتلىرىغا ئاياغ كىيدۈرۈڭلار. ئاندىن، راسا بوردالغان تورپاقنى ئەكېلىپ سويۇڭلار. ئۇنى زىياپەت قىلىپ كۈتۈۋالايلى! چۈنكى، ئوغلۇم ئۆلۈپ تىرىلدى، يوقىلىپ تېپىلدى!» دەپتۇ. بۇنىڭ بىلەن، ھەممەيلەن خۇشال-خۇرام يەپ-ئىچىشىپ، كۆڭۈل ئېچىشىپتۇ. بۇ چاغدا، چوڭ ئوغلى ئېتىزغا كەتكەنىكەن. ئۇ قايتىپ كېلىۋېتىپ ئۆيگە يېقىن كەلگەندە، نەغمە-ناۋا ئاۋازىنى ئاڭلاپتۇ. ئۇ چاكارلاردىن بىرىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى سوراپتۇ. چاكار: «ئىنىڭىز قايتىپ كەلدى، دادىڭىز ئۇنىڭ تىنچ-ئامان قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، بوردالغان تورپاقنى سويدى» دەپتۇ. بىراق، چوڭ ئوغلى ئىنتايىن خاپا بولۇپ، ئۆيگە كىرىشنى خالىماپتۇ. ئاتىسى چىقىپ ئۇنى ئۆيگە كىرىشكە ئۈندەپتۇ. لېكىن، ئۇ ئاتىسىغا: «قاراڭ سىزنى، مەن سىزگە شۇنچە يىل قۇلدەك ئىشلەپ كەلدىم، بۇيرۇقلىرىڭىزغا خىلاپلىق قىلمىدىم، سىز ماڭا نېمە بەردىڭىز؟ ئەل-ئاغىنىلىرىم بىلەن بىرەر قېتىم ئويناپ-كۈلۈشكە بىرەر ئوغلاقمۇ سويۇپ بەرگىنىڭىز يوققۇ! لېكىن، مال-مۈلۈكلىرىڭىزنى پاھىشىگە بۇزۇپ-چېچىپ تۈگىتىپ قايتىپ كەلگەن ئۇ ئوغلىڭىزغا بوردالغان تورپاقنى سويۇپسىز» دەپتۇ. «ئەي ئوغلۇم، سەن دائىم مېنىڭ يېنىمدا. مېنىڭ بارلىقىم سېنىڭكى. لېكىن، سېنىڭ ئىنىڭ ئۆلۈپ تىرىلدى، يوقىلىپ تېپىلدى. ئۇنى زىياپەت قىلىپ كۈتۈۋېلىشىمىزغا تېگىشلىك» دەپتۇ ئاتىسى ئۇنىڭغا. ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى: - بىر باينىڭ بىر غوجىدارى بار ئىكەن. بىرسى بايغا: «بۇ غوجىدارىڭىز مال-مۈلكىڭىزنى بۇزۇپ چاچتى» دەپ شىكايەت قىپتۇ. باي غوجىدارنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا: «مېنىڭ ئاڭلىغانلىرىم قانداق گەپ؟ ئەمدى خىزمەتتىن بوشىتىلىسەن، ھېساب-كىتابنى تاپشۇر» دەپتۇ. ھېلىقى غوجىدار ئىچىدە «خوجايىنىم مېنى خىزمەتتىن بوشىتىۋەتسە، بۇندىن كېيىن قانداق قىلارمەن؟ ئېتىزدا ئىشلەشكە كۈچۈم يوق، تىلەمچىلىك قىلاي دېسەم، نومۇس قىلىمەن“ ھە راست، ئىشسىز قالغان ۋاقتىمدا كىشىلەرنىڭ مېنى ئۆيلىرىدە تۇرغۇزۇشى ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىمەن!» دەپ ئويلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ خوجايىنىغا قەرزدارلارنى بىر-بىرلەپ چاقىرىپ كېلىپ، بىرىنچىسىدىن: «خوجايىنىمغا قانچىلىك قەرز بولدۇڭ؟» دەپ سوراپتۇ. «يۈز تۇڭ زەيتۇن يېغى» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئۇ. غوجىدار: «مانا، بۇ سېنىڭ ھېسابات دەپتىرىڭ، دەرھال ئولتۇرۇپ ئەللىككە ئۆزگەرتىۋەت!» دەپتۇ. ئۇ يەنە بىرىدىن: «سەنچۇ، قانچىلىك قەرز بولدۇڭ؟» دەپ سوراپتۇ. «مىڭ تاغار بۇغداي» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئۇ. غوجىدار ئۇنىڭغا: «مانا بۇ سېنىڭ ھېسابات دەپتىرىڭ. سەككىز يۈزگە ئۆزگەرتىۋەت!» دەپتۇ. باي بۇ ئىشنى بىلگەندىن كېيىن، بۇ سەمىمىيەتسىز غوجىدارىنىڭ زېرەكلىكىگە قايىل بوپتۇ. چۈنكى، ئۇ ئۆز كەلگۈسىنى ئويلاپ تەييارلىق قىلغانىكەن. دەرۋەقە، بۇ دۇنيانىڭ ئىمانسىز ئادەملىرى ئۆز مەنپەئىتىگە كەلگەندە، خۇدانىڭ يورۇقلۇقىدا ياشايدىغان ئادەملەردىن زېرەك. شۇڭا، ئۆز بايلىقىڭلار بىلەن ياردەمگە موھتاج بولغانلارغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى دوست تۇتۇڭلار. ئۇنداق قىلساڭلار، بايلىق تۈگىگەندە، باقىي دۇنيادا كۈتۈۋېلىنىسىلەر. كىچىك ئىشلاردا ئىشەنچلىك بولغان كىشى چوڭ ئىشلاردىمۇ ئىشەنچلىك بولىدۇ. كىچىك ئىشلاردا ئىشەنچسىز بولغان كىشى چوڭ ئىشلاردىمۇ ئىشەنچسىز بولىدۇ. ئەگەر سىلەر بۇ دۇنيادىكى بايلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا سەمىمىيەتسىز بولساڭلار، خۇدا قانداقمۇ جەننەتتىكى ھەقىقىي بايلىقنى سىلەرگە ئاتا قىلسۇن؟ ئەگەر سىلەر باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىگە قارا سانىساڭلار، ئۆز نېسىۋىڭلارنى سىلەرگە كىم بەرسۇن؟! ئىككى خوجايىنغا خىزمەت قىلالايدىغان ھېچقانداق چاكار يوق. ئۇ ياكى بۇنى يامان كۆرۈپ، ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ، ياكى بۇنىڭغا ئېتىبار بېرىپ، ئۇنىڭغا سەل قارايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ھەم خۇدانىڭ، ھەم مال-دۇنيانىڭ قۇلى بولۇشۇڭلار مۇمكىن ئەمەس. بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان پۇلغا ئامراق پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسانى مەسخىرە قىلىشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - سىلەر كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭلارنى ئالىيجاناب قىلىپ كۆرسىتىسىلەر. لېكىن، خۇدا كۆڭلۈڭلارنى ياخشى بىلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ قەدىرلەيدىغىنى خۇدانىڭ نەزىرىدە يىرگىنچلىكتۇر. يەھيا پەيغەمبەرنىڭ زامانىغىچە، تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىماتلىرى سىلەرگە يېتەكچى ئىدى. بىراق، يەھيا كەلگەندىن بېرى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەر تارقالماقتا ۋە نۇرغۇن ئادەم تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئۇنىڭغا كىرمەكتە. ھالبۇكى بۇ، تەۋرات قانۇنى ئىناۋەتسىز دېگەنلىك ئەمەس. ئەكسىچە، ئاسمان-زېمىن يوقالسىمۇ، تەۋرات قانۇنىنىڭ بىر چېكىتىمۇ بىكار قىلىنمايدۇ، - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا يەنە: - ئايالىنى تالاق قىلىپ، باشقا بىرىنى ئەمرىگە ئالغان كىشى زىنا قىلغان بولىدۇ. تالاق قىلىنغان ئايالنى ئەمرىگە ئېلىشمۇ زىنا قىلغانلىق بولىدۇ، - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - بۇرۇنلاردا دائىم ھەشەمەتلىك كىيىملەرنى كىيىپ، ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بىر باي ئۆتكەنىكەن. كېيىن، بۇ تىلەمچى ئۆلۈپ كېتىپتۇ. پەرىشتىلەر ئۇنى جەننەتكە ئېلىپ كىرىپ ئەجدادىمىز ئىبراھىمنىڭ يېنىغا ئاپىرىپتۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، بايمۇ ئۆلۈپ، يەرلىككە قويۇلۇپتۇ. ئۇ يەر ئاستىدا قاتتىق ئازاب چېكىپتۇ. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ، يىراق بىر جايدا ئەجدادىمىز ئىبراھىمنى ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى لازارنى كۆرۈپ: «ئى بوۋام ئىبراھىم، ماڭا رەھىم قىلغايسەن! لازارنى ئەۋەتكەيسەن. ئۇ بارمىقىنىڭ ئۇچى بىلەن سۇ تېمىتىپ، تىلىمنى نەمدەپ قويغاي، چۈنكى مەن بۇ ئوت يالقۇنىنىڭ ئىچىدە ئىنتايىن ئازابلىنىۋاتىمەن!» دەپ ۋارقىراپتۇ. «ئەي ئوغلۇم» دەپتۇ ئەجدادىمىز ئىبراھىم، «ھايات ۋاقتىڭدا ھالاۋەتنى يەتكۈچە كۆردۈڭغۇ! لازار بولسا ھەممە جاپانى تارتتى. ئەمدى ئۇ بۇ يەردە راھەت كۆرۈۋاتىدۇ، سەن بولساڭ ئازابلىنىۋاتىسەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىككىمىزنىڭ ئارىسىنى تېگى يوق ھاڭ ئايرىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، بۇ يەردىن سەن تۇرغان يەرگە بېرىشمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئۇ يەردىن بۇ يەرگە كېلىشمۇ مۇمكىن ئەمەس.» باي مۇنداق دەپتۇ: «ئى بوۋا، ئۇنداق بولسا، لازارنى ئاتامنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن. ئۇ يەردە مېنىڭ بەش قېرىندىشىم بار. ئۇلارنىڭ بۇ ئازاب-ئوقۇبەتلىك يەرگە كەلمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويسۇن.» «قېرىنداشلىرىڭغا مۇسا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرى بار. ئۇلار شۇنى ئاڭلىسۇن» دەپتۇ ئەجدادىمىز ئىبراھىم. «ئى بوۋام ئىبراھىم» دەپتۇ باي، «بۇ كۇپايە قىلمايدۇ، ئۇلار بەك تەرسا. ئەگەر ئۆلگەن بىرەر ئادەم تىرىلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا بارسا، ئۇلار توۋا قىلىپ توغرا يولغا ماڭاتتى» لېكىن، ئەجدادىمىز ئىبراھىم ئۇنىڭغا: «ئۇلار مۇسا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىسا، ئۆلگەن ئادەم تىرىلسىمۇ، ئىشەنمەيدۇ» دەپتۇ. ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى: - كىشىلەرنى گۇناھ سادىر قىلدۇرىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بولۇشى مۇقەررەر. لېكىن، بۇ سەۋەبلەرنى پەيدا قىلغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! بۇنداق ئادەمنىڭ بوينىغا يوغان تۈگمەن تېشى ئېسىلغان ھالدا دېڭىزغا تاشلىۋېتىلگىنى ئەۋزەل. چۈنكى، بۇ جازا ماڭا يېڭىدىن ئىشەنگەنلەرنىڭ بىرىنى ئازدۇرغان كىشىگە بېرىلىدىغان جازادىن ياخشىراق. شۇڭا، سىلەرمۇ نېمە قىلىۋاتقىنىڭلارغا پەخەس بولۇڭلار! بىراق، قېرىندىشىڭلار گۇناھ قىلغان بولسا، نەسىھەت قىلىڭلار. ئۇ توۋا قىلسا، ئۇنى كەچۈرۈم قىلىڭلار. مۇبادا ئۇ بىر كۈن ئىچىدە سىلەرگە يەتتە قېتىم گۇناھ سادىر قىلىپ، ھەر قېتىم كېلىپ توۋا قىلسا، گۇناھلىرىنىڭ ھەممىسىنى كەچۈرۈم قىلىڭلار. ئون ئىككى شاگىرتى ھەزرىتى ئەيساغا: - ئېتىقادىمىزنى كۈچەيتكەيسىز، - دېيىشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - سىلەردە قىچا ئۇرۇقىدەك چوڭلۇقتا بولسىمۇ ئېتىقاد بولسىدى، ئاۋۇ ئۈجمە دەرىخىگە: «يىلتىزىڭدىن قومۇرۇلۇپ، دېڭىزغا كۆچ!» دېسەڭلار، ئۇ سىلەرگە بويسۇنۇپ، دېڭىزغا كۆچكەن بولاتتى. - ئەگەر مەلۇم بىرىڭلارنىڭ تېرىقچىلىق قىلىدىغان ياكى قوي باقىدىغان قۇلۇڭلار بولۇپ، ئۇ قورۇقتىن قايتىپ كەلگەندە: «تېزرەك كېلىپ تامىقىڭنى يەۋال» دەرسىلەرمۇ؟ ياق! بەلكى ئۇنىڭغا: «پەرتۇقنى تارت، ئاۋۋال كەچلىك تاماق تەييارلاپ، مېنى غىزالاندۇرغىن، ئاندىن بېرىپ تامىقىڭنى يە» دەيسىلەر. قۇلۇڭلار بۇيرۇقۇڭلارنى بەجا كەلتۈرسە، ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتامسىلەر؟ چوقۇم ئېيتمايسىلەر. سىلەرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇدا بۇيرۇغان ھەرقانداق بىر ئىشنى ئورۇندىغىنىڭلاردا: «بىز ئەرزىمەس قۇللىرىڭ، پەقەت ئۆز ۋەزىپىمىزنىلا ئورۇندىدۇق» دەڭلار. ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمغا بېرىش سەپىرىدە سامارىيە بىلەن جەلىلىيە ئۆلكىلىرى چېگرىلىنىدىغان رايونلاردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، بىر يېزىغا كىرگىنىدە، ئۇنىڭ ئالدىغا ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئون ئادەم كەلدى. ئۇلار ناپاك بولغاچقا، يېقىن كەلمەي يىراقتا توختاپ: - ئى ئۇستازىمىز ئەيسا، بىزگە رەھىم قىلغايسىز! - دەپ ۋارقىرىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى كۆرۈپ: - روھانىيلارغا بېرىپ كۆرۈنۈڭلار. سىلەرنىڭ ئەمدى پاكلانغانلىقىڭلارنى تەكشۈرسۇن، - دېدى. ئۇلار يولدا كېتىۋاتقاندا ماخاۋدىن ساقايدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرەيلەن ئۆزىنىڭ ساقىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، دەرھال يۇقىرى ئاۋاز بىلەن خۇداغا مەدھىيە ئوقۇپ، كەينىگە قايتتى ۋە ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ تەشەككۈر ئېيتتى. بۇ ئادەم يەھۇدىيلار يامان كۆرىدىغان سامارىيىلىكلەردىن ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا بۇنى كۆرۈپ تۇرغانلارغا: - ساقايغانلار ئون ئادەم ئەمەسمىدى؟ قالغان توققۇزەيلەن قېنى؟ يەھۇدىي بولمىغان بۇ سامارىيىلىكتىن باشقا، خۇداغا شۈكۈر ئېيتىدىغان كىشى يوقمۇ؟! - دېدى. ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى ئادەمگە: - ئورنۇڭدىن تۇر، كەتكىن. ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭ ئۈچۈن خۇدا سېنى ساقايتتى، - دېدى. بەزى پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسادىن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ قاچان نامايان بولىدىغانلىقىنى سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: - خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ نامايان بولۇشى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس. «قاراڭلار، ئۇ مانا بۇ يەردە!» ياكى «ئۇ يەردە!» دەپ ھېچكىم دېيەلمەيدۇ. چۈنكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى دىلىڭلاردىدۇر. كېيىن، شاگىرتلىرىغا يەنە مۇنداق دېدى: - شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، سىلەر مېنىڭ، يەنى ئىنسانئوغلىنىڭ قايتىپ كېلىپ، ھۆكۈم سۈرىدىغان كۈنلىرىنىڭ بىرەرسىنى كۆرۈشكە تەشنا بولىسىلەر، ئەمما كۆرەلمەيسىلەر. بەزىلەر سىلەرگە: «قاراڭلار، قۇتقۇزغۇچى ئۇ يەردە!» ياكى «قاراڭلار، ئۇ بۇ يەردە!» دېسە، چىقىپ قارىماڭلار ۋە ئۇلارنىڭ كەينىدىن يۈگۈرمەڭلار. چۈنكى، چاقماق چېقىپ، ئاسماننى بۇ چېتىدىن ئۇ چېتىگىچە قانداق يورۇتقان بولسا، ئىنسانئوغلىنىڭ يېتىپ كېلىدىغان كۈنىمۇ شۇنداق بولىدۇ. لېكىن، ئۇ ئاۋۋال نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىشى ۋە بۇ ئەۋلاد يەھۇدىيلار تەرىپىدىن رەت قىلىنىشى كېرەك. نۇھ پەيغەمبەرنىڭ زامانىدا قانداق بولغان بولسا، ئىنسانئوغلىنىڭ كېلىدىغان زامانىدىمۇ شۇنداق بولىدۇ. ئۇ زاماننىڭ كىشىلىرى نۇھ پەيغەمبەر كېمىگە ئولتۇرغان كۈنگىچە، بەخىرامان يەپ-ئىچىپ، ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ كەلگەنىدى. تۇيۇقسىزلا توپان كېلىپ، كېمىگە چۈشمىگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلدى. يەنە شۇنىڭدەك، ئەجدادىمىز ئىبراھىمنىڭ جىيەنى لۇتنىڭ زامانىدىمۇ كىشىلەر بەخىرامان يەپ-ئىچىپ، سودا-سېتىق قىلىپ، تېرىقچىلىق قىلاتتى ۋە ئۆيلەرنى سالاتتى. لېكىن، لۇت سودوم شەھىرىدىن ئايرىلغان كۈنى، ئاسماندىن ئوت بىلەن گۈڭگۈرت يېغىپ، سودوم شەھىرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈپ ھالاك قىلدى. ئىنسانئوغلىنىڭ قايتىپ كېلىدىغان كۈنىمۇ ئەنە شۇنداق بولىدۇ. ئۇ كۈنى، ئۆگزىدىكىلەر ئۆيىدىكى نەرسە-كېرەكلىرىنى ئالماي قاچسۇن. ئېتىزلاردا ئىشلەۋاتقانلارمۇ مال-مۈلۈكلىرىنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن ئۆيىگە قايتماي قېچىپ كەتسۇن. لۇتنىڭ ئايالىنىڭ مال-مۈلكىگە كۆزى قىيماي كەينىگە قاراپ، تاش تۇزغا ئايلىنىپ قالغانلىقى ئېسىڭلاردا بولسۇن! چۈنكى، ئۆزى ئۈچۈنلا ياشايدىغانلار ئەكسىچە ھاياتىدىن مەھرۇم بولىدۇ. بىراق، ئۆز خاھىشىدىن ۋاز كېچىپ، مېنىڭ ئۈچۈن ياشايدىغانلار ھاياتىنى ساقلىيالايدۇ. بىلىپ قويۇڭلاركى، مەن قايتىپ كېلىدىغان كېچە بىر ئورۇندا ياتقان ئىككى كىشىنىڭ بىرى قالدۇرۇلۇپ، يەنە بىرى ئەرشكە ئېلىپ كېتىلىدۇ. تۈگمەن تېشى بىلەن ئۇن تارتىۋاتقان ئىككى ئايالنىڭ بىرى قالدۇرۇلۇپ، يەنە بىرى ئەرشكە ئېلىپ كېتىلىدۇ. ئېتىزدىكى ئىككى كىشىدىن بىرى ئېلىپ كېتىلىپ، يەنە بىرى قالدۇرۇلىدۇ. - ئى رەببىمىز، بۇ ۋەقەلەر قەيەردە يۈز بېرىدۇ؟ - دەپ سورىدى شاگىرتلار. - جەسەت قەيەردە بولسا، قۇزغۇنلار شۇ يەرگە توپلىنىدۇ، - دەپ جاۋاب بەردى ھەزرىتى ئەيسا. ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا بوشاشماستىن، ھەمىشە دۇئا قىلىپ تۇرۇش كېرەكلىكى توغرىسىدا يەنە بىر تەمسىل سۆزلەپ بەردى: - مەلۇم شەھەردە بىر قازى بار ئىكەن. ئۇ خۇدادىنمۇ قورقمايدىكەن، ئادەملەرنىمۇ ھۆرمەت قىلمايدىكەن. شۇ شەھەردىكى بىر تۇل ئايال ھەمىشە ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ: «بىرسى ماڭا ئۇۋال قىلدى، سىز ئادىل ھۆكۈم چىقىرىپ، ماڭا ئاتىدارچىلىق قىلسىڭىز» دەپ تەلەپ قىپتۇ. لېكىن، قازى بۇ ئىشنى بەك كەينىگە سۆرەۋېتىپتۇ، بىراق كېيىن ئىچىدە «مەن خۇدادىن قورقمايمەن، ئادەملەرنىمۇ ھۆرمەت قىلمايمەن، لېكىن، بۇ تۇل ئايال دائىم ئىشىكىم ئالدىدىن كەتمەي مېنى زېرىكتۈرۈۋەتتى. ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھال-دەردىنى ئاڭلاپ، دەردىگە يەتكىنىم تۈزۈك ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپتۇ. رەببىمىز ئەيسا تەمسىلنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: - بۇ ئادالەتسىز قازىنىڭ سۆزلىرىدىن ساۋاق ئېلىڭلار. بىر ئادالەتسىز قازى شۇنداق قىلغان يەردە، خۇدا ئۆزىدىن كېچە-كۈندۈز ياردەم تىلىگەن بەندىلىرىنىڭ دەردىگە يەتمەسمۇ؟ ئۇلارغا قىلىدىغان شاپائىتىنى كېچىكتۈرەرمۇ؟ ياق! ئەكسىچە، خۇدا جەزمەن تېزدىن ئۇلارنىڭ ھالىغا يېتىدۇ. دەرۋەقە، ئىنسانئوغلى ئاسماندىن قايتىپ كەلگەندە، يەر يۈزىدىن ئۆزىگە ئىشىنىدىغانلارنى تاپالارمۇ؟ ھەزرىتى ئەيسا، ئۆزلىرىنى ئادالەتچى دەۋېلىپ، باشقىلارنى كۆزىگە ئىلمايدىغان كىشىلەرگە قارىتىپ، يەنە بىر تەمسىل ئېيتتى: - ئىككى كىشى دۇئا قىلىش ئۈچۈن مەركىزىي ئىبادەتخانىغا بېرىپتۇ. ئۇلارنىڭ بىرى پەرىسىي، يەنە بىرى باجگىر ئىكەن. پەرىسىي خەلقنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ مەغرۇرانە ھالدا: «ئى خۇدا! مېنىڭ باشقىلاردەك ئالدامچى، گۇناھكار، زىناخورلاردىن بولۇپ قالمىغىنىمغا، بولۇپمۇ بۇ باجگىرغا ئوخشىمىغىنىمغا شۈكۈر. مەن ھەر ھەپتىدە ئىككى كۈن روزا تۇتىمەن ۋە پۈتۈن ئىش ھەققىمنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى خۇدا يولىدا سەدىقە قىلىمەن» دەپ دۇئا قىپتۇ. بىراق، ھېلىقى باجگىر باشقىلاردىن نېرى ھالدا ئىبادەتخانىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا تۇرۇپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي، مەيۈسلەنگەن ھالدا مەيدىسىگە ئۇرۇپ: «ئى خۇدايىم، مەن گۇناھكار. ماڭا رەھىم قىلغايسەن» دەپتۇ. ئاڭلاپ قويۇڭلاركى، خۇدانىڭ نەزىرىدە بۇ ئىككىيلەندىن ھېلىقى پەرىسىي ئەمەس، بەلكى باجگىر كەچۈرۈمگە ئېرىشىپ ئۆيگە قايتىپتۇ، چۈنكى خۇدا ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتقاننى تۆۋەن قىلىدۇ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقاننى ئۈستۈن قىلىدۇ. قولىنى تەگكۈزۈپ بەخت تىلىسۇن دەپ، كىشىلەر كىچىك بالىلىرىنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. بۇنى كۆرگەن شاگىرتلار ئۇلارنى ئەيىبلىدى. لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا بالىلارنى چاقىرىپ: - بالىلار ئالدىمغا كەلسۇن، ئۇلارنى توسماڭلار. چۈنكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىدىغانلار دەل مۇشۇلارغا ئوخشاشلاردۇر. بىلىپ قويۇڭلاركى، كىمدەكىم خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى سەبىي بالىلاردەك قوبۇل قىلمىسا، ئۇنىڭغا ھەرگىز كىرەلمەيدۇ، - دېدى. يەھۇدىيلارنىڭ باشلىقلىرىدىن بولغان بىر باي ھەزرىتى ئەيسادىن: - ياخشى ئۇستاز، مەن قانداق قىلسام مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىمەن؟ - دەپ سورىدى. - مېنى نېمىشقا ياخشى دەيسىز؟ - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - يېگانە خۇدادىن باشقا ياخشى يوق. سىز تەۋراتتا بۇيرۇلغان: «زىنا قىلما، قاتىللىق قىلما، ئوغرىلىق قىلما، يالغان گۇۋاھلىق بەرمە، ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» دېگەن پەرزلەرنى ئادا قىلىڭ. - بۇلارغا كىچىكىمدىن تارتىپ ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىمەن، - دەپ جاۋاب بەردى ھېلىقى كىشى. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا يەنە مۇنداق دېدى: - سىزدە قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر ئىش كەم. پۈتۈن مال-مۈلكىڭىزنى سېتىپ، پۇلىنى كەمبەغەللەرگە بېرىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، ئەرشتە خەزىنىڭىز بولىدۇ. ئاندىن كېلىپ ماڭا ئەگىشىڭ. ھېلىقى كىشى بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۆڭلى ئىنتايىن بىئارام بولدى، چۈنكى ئۇ ناھايىتى باي ئىدى. بۇ ھالنى كۆرگەن ھەزرىتى ئەيسا: - مال-دۇنياسى كۆپلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشى نېمىدېگەن تەس-ھە! ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشى تۆگىنىڭ يىڭنە تۆشۈكىدىن ئۆتۈشىدىنمۇ تەس ئىكەن! - دېدى. بۇنى ئاڭلىغانلار: - ئۇنداقتا، كىم قۇتقۇزۇشقا ئېرىشەلەيدۇ؟ - دېيىشتى. - ئىنسانلار قادىر بولمىغانغا خۇدا قادىردۇر، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. بۇ چاغدا، پېترۇس: - مانا بىز بارلىقىمىزنى تاشلاپ سىزگە ئەگەشتۇق. سىزچە، بىز قۇتقۇزۇلامدۇق؟ - دېدى. - بىلىپ قويۇڭلاركى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى دەپ، ئۆيى، ئايالى، ئاكا-ئۇكىلىرى، ئاتا-ئانىسى ياكى بالا-چاقىلىرىدىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ھەممىسى، ھەم بۇ دۇنيادا ھەسسىلەپ كۆپ بايلىققا، ھەم ئۇ دۇنيادا مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا جاۋاب بېرىپ. ھەزرىتى ئەيسا ئون ئىككى شاگىرتىنى بىر چەتكە تارتىپ، ئۇلارغا: - مانا بىز ھازىر يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمىز. پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىنسانئوغلى توغرۇلۇق يازغانلىرىنىڭ ھەممىسى شۇ يەردە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. ئۇ رىملىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ. ئۇلار ئۇنى مەسخىرە قىلىپ، ھاقارەتلەيدۇ، يۈزىگە تۈكۈرىدۇ ۋە ئۇنى قامچىلايدۇ، ئۆلتۈرىدۇ. لېكىن، ئۇ ئۈچىنچى كۈنى قايتا تىرىلىدۇ، - دېدى. بىراق، شاگىرتلىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ سۆزلىرىدىن ھېچنېمە چۈشىنەلمىدى. چۈنكى، بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسى قەستەن يوشۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنىنى بىلەلمىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئېرىخا شەھىرىگە يېقىن كەلگەندە، بىر قارىغۇ يول بويىدا ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتاتتى. ئۇ بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كۆپچىلىكنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، نېمە ۋەقە بولغانلىقىنى سۈرۈشتۈردى. بىرى ئۇنىڭغا: - ناسىرەلىك ئەيسا بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ، - دەپ ئۇقتۇردى. - ئى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى ئەيسا، ماڭا رەھىم قىلغايسىز! - دەپ ۋارقىراپ كەتتى ئۇ. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىدا كېلىۋاتقان كىشىلەر تىلەمچىنى ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ ئۈن چىقارماسلىقىنى ئېيتتى. لېكىن، ئۇ: - ئى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى، ماڭا رەھىم قىلغايسىز! - دەپ تېخىمۇ قاتتىق ۋارقىرىدى. ھەزرىتى ئەيسا قەدىمىنى توختىتىپ، قارىغۇنى ئالدىغا ئەكېلىشنى بۇيرۇدى. قارىغۇ يېقىن كەلگەندە، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭدىن: - مەندىن نېمە تەلەپ قىلىسەن؟ - دەپ سورىدى. - ئى رەببىم، كۆزۈمنىڭ ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن! - دېدى قارىغۇ. - كۆزلىرىڭ ئېچىلدى! ماڭا باغلىغان ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا. قارىغۇنىڭ كۆزى شۇئان ئېچىلىپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئەگىشىپ، يول بويى خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ ماڭدى. بۇ ئىشنى كۆرگەن خالايىقمۇ خۇدانى مەدھىيىلەپ ماڭدى. ھەزرىتى ئەيسا ئېرىخا شەھىرىگە كىرىپ ئۆتۈپ كەتمەكچى بولدى. ئۇ يەردە زاكاي ئىسىملىك بىر باجگىرلار باشلىقى بولۇپ، ئۇ ناھايىتى باي ئىدى. ئۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلاتتى، لېكىن بويى پاكار بولغاچقا، كىشىلەر توپى ئىچىدىن ئۇنى كۆرەلمىدى. شۇڭا، ئۇ يۈگۈرۈپ خالايىقنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، بىر تۈپ ئۈجمە دەرىخىگە چىقىۋالدى. چۈنكى، ھەزرىتى ئەيسا بۇ يولدىن ئۆتەتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەرگە كەلگەندە، بېشىنى كۆتۈرۈپ زاكايغا قاراپ: - زاكاي، چاپسان چۈش! بۈگۈن مەن چوقۇم سېنىڭ ئۆيۈڭدە قونىمەن، - دېدى. زاكاي دەرھال چۈشۈپ، ئىنتايىن خۇشال بولغان ھالدا ھەزرىتى ئەيسانى ئۆيىگە ئاپىرىپ مېھمان قىلدى. بۇنى كۆرگەن جامائەت: - بۇ ئادەم گۇناھكارنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولدى! - دەپ غوتۇلدىشىپ كەتتى. زاكاي ئورنىدىن تۇرۇپ رەببىمىز ئەيساغا: - يا رەببىم، مەن مال-مۈلكۈمنىڭ يېرىمىنى كەمبەغەللەرگە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىمەن. ئەگەر مەن بىرەر كىشىنى ئالداپ ھەققىنى يەۋالغان بولسام، ئۇنىڭغا تۆت ھەسسە قاتلاپ قايتۇرىمەن، - دېدى. - بۈگۈن بۇ ئادەم قۇتقۇزۇلدى. چۈنكى، ئۇ ئېتىقاد بىلەن ئۆزىنىڭ ئىبراھىمنىڭ پەرزەنتى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئىنسانئوغلى ئۇنىڭغا ئوخشاش ئازغان ئادەملەرنى ئىزدەپ قۇتقۇزغىلى كەلدى، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. ئۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسا پايتەخت يېرۇسالېمغا يېتىپ كېلىشكە ئازلا قالغانلىقى ئۈچۈن، جامائەت خاتا ھالدا ئۇنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى تىكلىشىگە ئاز قالدى، دەپ قارايتتى. بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق بىر تەمسىلنى ئېيتىپ بەردى: - بىر ئاقسۆڭەك پادىشاھلىق تەختىگە ئىگە بولۇپ كېلىش ئۈچۈن، يىراق بىر يەرگە قاراپ يولغا چىقىپتۇ. يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى، ئون چاكىرىنى ئالدىغا چاقىرىپ، ھەربىرىگە بىردىن تىللا بېرىپ: «مەن قايتىپ كەلگۈچە، بۇنىڭ بىلەن تىجارەت قىلىڭلار، قېنى، قانچىلىك پۇل تاپىدىكەنسىلەركىن» دەپتۇ. بىراق، يۇرتىدىكىلەر بۇ ئاقسۆڭەككە ئۆچ بولغاچقا، كەينىدىن ئادەم ئەۋەتىپ: «بۇ ئادەمنىڭ بىزگە پادىشاھ بولۇشىنى خالىمايمىز» دەپتۇ. ئاقسۆڭەك پادىشاھ بولۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دەرھال ھېلىقى چاكارلىرىنى چاقىرىپ، ھەرقايسىسىنىڭ ئوقەت قىلىپ قانچىلىك پۇل تاپقانلىقىنى بىلمەكچى بولۇپتۇ. باشتا كەلگىنى: «خوجايىن، مەن سىز بەرگەن تىللانى ئىشلىتىپ ئون تىللا تاپتىم» دەپتۇ. «ناھايىتى ياخشى! سەن ياخشى چاكار ئىكەنسەن. مەن ساڭا ھاۋالە قىلغان كىچىككىنە ئىشتا ئىشەنچلىك بولۇپ چىققانلىقىڭ ئۈچۈن، مەن سېنى ئون شەھەرنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەيمەن» دەپتۇ خوجايىن. ئىككىنچى چاكار كېلىپ: «خوجايىن، مەن سىز بەرگەن تىللانى ئىشلىتىپ بەش تىللا تاپتىم» دەپتۇ. «سەنمۇ بەش شەھەرنى باشقۇرىسەن» دەپتۇ خوجايىن. بىراق، ئۈچىنچى چاكار كېلىپ: «خوجايىن، بەرگەن تىللايىڭىز مانا تۇرۇپتۇ. مەن ئۇنى قول ياغلىقىمغا يۆگەپ ئۆيدە ساقلىدىم. مەن سىزدىن قورقىمەن، چۈنكى سىز قاتتىق ئادەم، باشقىلارغا ئامانەت قويسىڭىز، ئۇنىڭ كۆپىيىشىنى، ئۆزىڭىز تېرىمىسىڭىزمۇ، ئۇنىڭ ھوسۇلىنى كۈتىسىز» دەپتۇ. «ئەي يامان چاكار، سېنى ئاغزىڭدىن چىققان سۆزلىرىڭ بويىچە جازالايمەن. سەن مېنىڭ تېرىماي تۇرۇپ يىغىۋالىدىغان، ئۆزۈمنىڭ بولمىغاننى ئېلىۋالىدىغان قاتتىق ئادەم ئىكەنلىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنە نېمە ئۈچۈن پۇلۇمنى خەزىنىچىلەرگە ئامانەت قويمىدىڭ؟ مەن قايتىپ كەلگەندە ئۆسۈمى بىلەن ئالماسمىدىم؟» دەپتۇ خوجايىن. كېيىن، ئۇ يېنىدىكىلەرگە: «ئۇنىڭدىكى تىللانى ئېلىپ، ئون تىللا تاپقان چاكارغا بېرىڭلار!» دەپ بۇيرۇق قىپتۇ. «خوجايىن، ئۇنىڭ ئون تىللاسى تۇرسا!» دېي شىپتۇ ئۇلار. «شۇنداق» دەپتۇ خوجايىن، «بېرىلگەننى تولۇق ئىشلەتكەنلەرگە تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ-دە، بۇنىڭ بىلەن ئۇلاردىكى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ. لېكىن، بېرىلگەننى ئىشلەتمىگەنلەرگە كەلسەك، ئۇلارنىڭ بارىمۇ ئېلىپ كېتىلىدۇ. مېنىڭ پادىشاھ بولۇشۇمنى خالىمىغان دۈشمەنلىرىمگە كەلسەك، ئۇلارنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىپ، كاللىسىنى ئېلىڭلار!» ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، توپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، يېرۇسالېمغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. زەيتۇن تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى بەيتپاجى ۋە بەيتانىيا دېگەن يېزىلارغا يېتىپ كېلەي دېگەندە، ئىككى شاگىرتىنى مۇنداق دەپ ئالدىن ئەۋەتتى: - سىلەر ئالدىمىزدىكى يېزىغا بېرىڭلار. يېزىغا كىرگىنىڭلاردا، تېخى مىنىلىپ باقمىغان بىر تەخەينىڭ باغلاقلىق تۇرغانلىقىنى كۆرىسىلەر. ئۇنى يېشىپ، بۇ يەرگە يېتىلەپ كېلىڭلار. ئەگەر بىرى سىلەردىن: «تەخەينى نېمىشقا يېشىسىلەر؟» دەپ سوراپ قالسا، «رەببىمىزنىڭ ئۇنىڭغا ھاجىتى چۈشتى» دەڭلار. ئۇلار بېرىپ قارىسا، دەل ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئېيتقىنىدەك بولۇپ چىقتى. ئۇلار تەخەينى يېشىۋاتقاندا، ئىگىلىرى: - تەخەينى نېمىشقا يېشىسىلەر؟ - دەپ سورىدى. - رەببىمىزنىڭ ئۇنىڭغا ھاجىتى چۈشتى، - دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. ئىگىلىرى ماقۇل بولغاندىن كېيىن، شاگىرتلار تەخەينى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا يېتىلەپ كېلىپ، ئۆز چاپانلىرىنى ئۈستىگە سېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانى يۆلەپ مىندۈردى. ھەزرىتى ئەيسا ماڭغاندا، خەلقلەر چاپانلىرىنى يولغا پايانداز قىلىپ سالدى. ھەزرىتى ئەيسا زەيتۇن تېغىدىن چۈشۈپ يېرۇسالېمغا يېقىن قالغاندا، ئۇنىڭ نۇرغۇن شاگىرتلىرى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ھەممە ئاجايىپ مۆجىزىلەر ئۈچۈن خۇرسەنلىك بىلەن ۋارقىراپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشقا باشلىدى: «پەرۋەردىگارىمىزنىڭ نامىدا كەلگەن پادىشاھقا مۇبارەك بولسۇن! ئىنسان خۇدا بىلەن ياراشتۇرۇلغۇسى، ئەرشىئەلادىكى خۇداغا شان-شەرەپ بولسۇن!» توپنىڭ ئىچىدە بەزى پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيساغا: - ئۇستاز، شاگىرتلىرىڭىزنىڭ ئۇنداق گەپ قىلماي، جىم بولۇشىنى بۇيرۇغايسىز! - دېيىشتى. - ئۇلار جىم تۇرغان تەقدىردىمۇ، بۇ تاشلار چېغىدا خۇدانى مەدھىيىلەپ چۇقان سېلىشقان بولاتتى، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا. ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلگەندە، شەھەرنى كۆرۈپ، ھەسرەتتە كۆز يېشى قىلىپ: - ئەي يېرۇسالېملىقلار! نېمىنىڭ سىلەرگە ئامانلىق كەلتۈرىدىغانلىقىنى بۈگۈن بىلگەن بولساڭلار! ئەمما، ئۇ ھازىر كۆزلىرىڭلاردىن يوشۇرۇندۇر. شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، دۈشمەنلىرىڭلار شەھىرىڭلارنىڭ ئەتراپىغا قورغان قۇرۇپ، سىلەرنى تۆت تەرەپتىن قورشىۋېلىپ، سىلەرنى ۋە بالىلىرىڭلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىدۇ، ھەتتا بىر تال ئۇل تېشىنىمۇ جايىدا قالدۇرمايدۇ. چۈنكى، خۇدا سىلەرگە شاپائەت قىلغان پۇرسەتنى پەرق ئېتەلمىدىڭلار، - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقانلارنى ھەيدەپ چىقىرىپ، ئۇلارغا: - مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ: «مېنىڭ ئۆيۈم دۇئا-تىلاۋەتخانا بولسۇن» دېگەن سۆزى يېزىلغان. لېكىن، سىلەر بۇنى بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇۋاپسىلەر! - دېدى. شۇ كۈنلەردە، ھەزرىتى ئەيسا ھەر كۈنى مەركىزىي ئىبادەتخانىدا تەلىم بەردى. ئالىي روھانىيلار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە ئاقساقاللار ئۇنى ئۇجۇقتۇرۇۋەتمەكچى بولۇشتى. لېكىن، قانداق قول سېلىشنى بىلمەيتتى. چۈنكى، پۈتۈن خەلق ھەزرىتى ئەيسانىڭ تەلىمىنى ئاڭلاشقا شۇنچىلىك خۇشتار ئىدىكى، ئۇنىڭ ھەربىر ئېغىز سۆزىنى قالدۇرماي، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايتتى. بىر كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا خەلققە تەلىم بېرىپ، خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈۋاتاتتى. ئالىي روھانىيلار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە ئاقساقاللار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: - ئېيتىپ بېرىڭ، سىز قىلىۋاتقان ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتىسىز؟ سىزگە بۇ ھوقۇقنى كىم بەرگەن؟ - دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - مەن ئاۋۋال سىلەردىن بىر سوئال سوراي. ئېيتىڭلارچۇ، يەھيا پەيغەمبەرگە چۆمۈلدۈرۈش ھوقۇقىنى خۇدا بەرگەنمۇ ياكى ئىنسانلارمۇ؟ - دېدى. ئۇلار ئۆزئارا تالىشىشقا باشلاپ: - ئەگەر: «خۇدا بەرگەن» دېسەك، ئۇ: «ئۇنداقتا سىلەر نېمە ئۈچۈن يەھياغا ئىشەنمىدىڭلار؟» دەيدۇ. ئەگەر: «ئىنسانلار بەرگەن» دېسەك، خالايىق بىزنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى يەھيانىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ، - دېيىشتى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار: - يەھيانىڭ ھوقۇقىنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلمەيمىز، - دەپ جاۋاب بېرىشتى. - ئۇنداقتا، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتمايمەن، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا. ھەزرىتى ئەيسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇلارغا بۇ تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى: - بىر كىشى بىر ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىپ، ئۇنى ئىجارىگە بېرىپ، ئۆزى يىراق بىر يەرگە كېتىپتۇ ۋە ئۇ يەردە ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپتۇ. ئۈزۈملەرنى ئۈزىدىغان مەزگىل كەلگەندە، ئۇ قۇللىرىدىن بىرىنى ئۆزىگە تېگىشلىك ئۈلۈشنى ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتىپتۇ. لېكىن، ئىجارىكەشلەر ھېلىقى قۇلنى دۇمبالاپ، قۇرۇق قول قايتۇرۇپتۇ. خوجايىن يەنە بىر قۇلىنى ئەۋەتىپتۇ. ئىجارىكەشلەر ئۇنىمۇ شۇنداق ئۇرۇپ، ھاقارەتلەپ، يەنە قۇرۇق قول قايتۇرۇپتۇ. ئۈچىنچى قېتىم خوجايىن يەنە باشقا بىر قۇلىنى ئەۋەتىپتۇ. ئىجارىكەشلەر ئۇنىمۇ ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇپ، باغدىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىپتۇ. ئاخىردا، ئۈزۈمزارلىقنىڭ خوجايىنى، «قانداق قىلسام بولار؟ سۆيۈملۈك ئوغلۇمنى ئەۋەتسەم، ھېچبولمىغاندا ئۇنى ھۆرمەت قىلار» دەپ ئوغلىنى ئەۋەتىپتۇ. لېكىن، ئىجارىكەشلەر خوجايىننىڭ ئوغلىنى كۆرۈپ بىر-بىرىگە: «بۇ بولسا خوجايىننىڭ مىراسخورى. ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتەيلى، ئۈزۈمزارلىق بىزگە ئوڭچە قالسۇن!» دېيىشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۇنى ئۈزۈمزارلىقنىڭ سىرتىغا سۆرەپ ئاچىقىپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۈزۈمزارلىقنىڭ خوجايىنى بۇ ئىجارىكەشلەرنى قانداق قىلىدۇ؟ جەزمەن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئۈزۈمزارلىقىنى باشقىلارغا ئىجارىگە بېرىدۇ. كۆپچىلىك بۇنى ئاڭلاپ: - بۇنداق ئىشلار ھەرگىز يۈز بەرمىسۇن! - دېيىشتى. بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا كۆزلىرىنى تىكىپ مۇنداق دېدى: - زەبۇردا قۇتقۇزغۇچى ھەققىدە: «تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش قۇرۇلۇشنىڭ ئۇل تېشى بولۇپ قالدى.» دەپ ئېنىق يېزىلغان تۇرسا! بۇ «تاش»~قا يىقىلغان كىشى پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ. «تاش» كىمنىڭ ئۈستىگە چۈشسە، شۇنى كۇكۇم-تالقان قىلىدۇ. تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن ئالىي روھانىيلار بۇ تەمسىلنىڭ ئۆزلىرىگە قارىتىپ ئېيتىلغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىپ، ھەزرىتى ئەيسانى شۇ چاغدىلا تۇتماقچى بولدى. لېكىن، ئۇلار خەلقتىن قورقۇشتى. شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسانى دىققەت بىلەن كۆزىتىش ئۈچۈن، پايلاقچىلارنى ئەۋەتتى. بۇ پايلاقچىلار سەمىمىي قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ھەزرىتى ئەيسادىن سوئاللارنى سوراپ، ئۇنى ئۆز سۆزلىرى بىلەن تۇزاققا چۈشۈرۈپ، رىملىق ۋالىينىڭ جازالىشىغا تاپشۇرماقچى بولۇشتى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيساغا مۇنداق دېدى: - ئۇستاز، بىزگە مەلۇمكى، سىزنىڭ تەلىماتلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ھەق، شۇنىڭدەك سىز يۈز-خاتىر قىلماي، ھامان خۇدانىڭ يولىنى سادىقلىق بىلەن ئۆگىتىپ كەلدىڭىز. سىزچە رىم ئىمپېراتورى قەيسەرگە باج تاپشۇرۇشىمىز تەۋرات قانۇنىمىزغا خىلاپمۇ، قانداق؟ ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى چۈشەنگەن ھەزرىتى ئەيسا: - ماڭا بىر دانە كۈمۈش تەڭگە كۆرسىتىڭلار. بۇنىڭ ئۈستىدىكى سۈرەت ۋە ئىسىم كىمنىڭ؟ - دېدى. - رىم ئىمپېراتورى قەيسەرنىڭ، - دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. - ئۇنداق بولسا، قەيسەرنىڭ ھەققىنى قەيسەرگە، خۇدانىڭ ھەققىنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا. ئۇلار خالايىقنىڭ ئالدىدا ھەزرىتى ئەيسانىڭ سۆزلىرىدىن تۇتۇۋالىدىغان بىرەر پۇتاق چىقىرالمىدى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ جاۋابىغا ھەيران بولۇپ، زۇۋانى تۇتۇلدى. ئۆلگەنلەر تىرىلمەيدۇ، دەپ قارايدىغان سادۇقىي دىنىي ئېقىمىدىكىلەردىن بەزىلىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن مۇنداق دەپ سورىدى: - ئۇستاز، مۇسا پەيغەمبەر تەۋراتتا: «بىر كىشى ئۆلۈپ كېتىپ، ئايالى تۇل قېلىپ، پەرزەنت كۆرمىگەن بولسا، ئۆلگۈچىنىڭ ئاكا ياكى ئىنىسى تۇل قالغان يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نەسىل قالدۇرۇشى لازىم» دەپ يازغان. بۇرۇن يەتتە ئاكا-ئۇكا ئۆتكەنىكەن، چوڭى ئۆيلىنىپ، پەرزەنت كۆرمەي ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. كەينىدىكى ئىنىسىمۇ تۇل قالغان يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. ئاندىن ئۇنى ئۈچىنچى ئىنىسى ئېلىپتۇ. شۇنداق قىلىپ يەتتىنچىسىگىچە ھەممىسى ئۇنى ئېلىپ چىقىپتۇ. لېكىن، ھېچقايسىسى پەرزەنت كۆرمەي ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. ئاخىر، ئۇ ئايالمۇ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. ئەمدى سورايدىغىنىمىز شۇكى: قىيامەت كۈنى بۇ ئايال كىمنىڭ ئايالى بولۇپ تىرىلىدۇ؟ چۈنكى، يەتتە قېرىنداشنىڭ ھەممىسى ئۇنى خوتۇنلۇققا ئالغان-دە! ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: - بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى خوتۇن ئالىدۇ، ئەرگە تېگىدۇ. بىراق، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىپ، ئەرشتە ياشاشقا لايىق ھېسابلانغانلار خوتۇنمۇ ئالمايدۇ، ئەرگىمۇ تەگمەيدۇ. ئۇلار پەرىشتىلەرگە ئوخشاش مەڭگۈ ياشايدۇ. ئۇلار خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولغاچقا، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىدۇ. بىراق، «ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش بارمۇ-يوق؟» دېگەن سوئالغا كەلسەك، تىرىلىشنىڭ بارلىقىنى مۇسا پەيغەمبەر ئۆزى ئىسپاتلاپ بەردى. چۈنكى، گەرچە ئەجدادلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار مۇسا پەيغەمبەرگە قارىغاندا ئاللىبۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، تەۋراتتىكى «تىكەنلىكنىڭ كۆيۈشى» ھەققىدىكى باياندا مۇسا پەيغەمبەر مۇنداق يازغان: «خۇدا: ˜مەن ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بولىمەن!Œ دېگەن.» دېمەك، خۇدا ئۆلگەنلەرنىڭ ئەمەس، تىرىكلەرنىڭ خۇداسىدۇر. خۇدانىڭ نەزىرىدە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھاياتتۇر. بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى: - ئۇستاز، ياخشى ئېيتتىڭىز! - دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلار ھەزرىتى ئەيسادىن سوئال سوراشقا پېتىنالمىدى. كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن سوئال سورىدى: - كىشىلەر قۇتقۇزغۇچى- مەسىھنى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى، دەپ تۇرۇۋالسا قانداق بولىدۇ؟ قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولسىمۇ، لېكىن پادىشاھ داۋۇت مەسىھنى «خوجايىنىم» دېگەن يەردە مەسىھ ئۇنىڭدىن ئۇلۇغ بولمامدۇ؟! جامائەت قۇلاق سېلىپ ئاڭلاۋاتقاندا، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى: - تەۋرات ئۇستازلىرىدىن پەخەس بولۇڭلار. ئۇلار ئۇزۇن تونلارنى كىيىشىۋېلىپ، غادىيىپ يۈرۈشكە ئامراق كېلىدۇ. بازارلاردا باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىگە سالام بېرىپ ھۆرمەتلىشىنى، ئىبادەتخانىلاردا ئالاھىدە ئورۇندا ئولتۇرۇشنى، زىياپەتلەردىمۇ تۆردە ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار تۇل ئاياللاردىن نەپ ئېلىپ، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى يەۋېلىپ، ئاندىن ئەتەي باشقىلار كۆرسۇن دەپ، ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دۇئا قىلىدۇ. ئۇلار جەزمەن تېخىمۇ قاتتىق جازاغا تارتىلىدۇ! ھەزرىتى ئەيسا بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى ئىئانە يىغىلىدىغان جايغا ئۆز سەدىقىلىرىنى تاشلاۋاتقان بىرنەچچە باينى كۆردى. ئۇ يەنە بىر نامرات تۇل ئايالنىڭمۇ ئىككىلا تەڭگىنى تاشلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ: - بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇ نامرات تۇل ئايالنىڭ ئىئانىسى خۇدانىڭ نەزىرىدە ھەممەيلەننىڭكىدىن كۆپ. چۈنكى، باشقىلار ئۆزلىرىنىڭ ئاشقان بايلىقلىرىدىن ئىئانە قىلدى. لېكىن، بۇ ئايال نامرات تۇرۇقلۇق، ئۆزىنىڭ بارلىق تىرىكچىلىك قىلىدىغىنىنى ئىئانە قىلدى، - دېدى. شاگىرتلاردىن بەزىلىرى مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ نەپىس تاشلار ۋە خۇداغا ئاتالغان نەرسىلەر بىلەن بېزەلگەنلىكى توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتاتتى. ھەزرىتى ئەيسا: - شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، سىلەر بۇ يەردە كۆرۈۋاتقان ھەممە نەرسە گۇمران قىلىنىدۇ، ھەتتا بىر تال ئۇل تېشىمۇ جايىدا قالدۇرۇلمايدۇ، - دېدى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيسادىن: - ئۇستاز، بۇ دېگەنلىرىڭىز قاچان يۈز بېرىدۇ؟ بۇلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان قانداق بېشارەت بولىدۇ؟ - دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - ئازدۇرۇلۇپ كېتىشتىن ھوشيار بولۇڭلار. چۈنكى، نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ نامىمنى سېتىپ: «قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ مەن بولىمەن!» ۋە «قىيامەت كۈنى يېقىنلاپ قالدى!» دەيدۇ. سىلەر ئۇنداق كىشىلەرگە ئەگەشمەڭلار. ئۇرۇش ۋە توپىلاڭنىڭ تىۋىشىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭلاردىمۇ قورقۇپ كەتمەڭلار. چۈنكى، بۇ ئىشلارنىڭ دەسلەپتە يۈز بېرىشى مۇقەررەر. لېكىن، بۇ زامان ئاخىرى يېتىپ كەلدى، دېگەنلىك ئەمەس. ھەزرىتى ئەيسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى: - بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ. بىر دۆلەت يەنە بىر دۆلەتكە ھۇجۇم قىلىدۇ. شىددەتلىك يەر تەۋرەشلەر، ئاچارچىلىقلار يۈز بېرىدۇ، يۇقۇملۇق كېسەللەر تارقىلىدۇ ۋە ئاسماندا قورقۇنچلۇق ئالامەتلەر كۆرۈنىدۇ. بىراق بۇ ۋەقەلەر يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى، سىلەر تۇتقۇن قىلىنىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرايسىلەر. كىشىلەر سىلەرنى ئىبادەتخانىلارنىڭ سوراق قىلىشىغا تاپشۇرىدۇ، زىندانلارغا تاشلايدۇ. ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى پادىشاھ ۋە ۋالىيلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارىدۇ. مانا، بۇ سىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئالدىدا مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىم بولۇش پۇرسىتىڭلاردۇر. شۇڭا، ئۇلارنىڭ سوئال-سوراقلىرىغا قانداق جاۋاب بېرىش توغرىسىدا ئالدىنئالا باش قاتۇرۇپ كەتمەڭلار. چۈنكى، مەن سىلەرگە دۈشمەنلىرىڭلار قارشى چىقالمىغۇدەك ۋە رەت قىلالمىغۇدەك سۆز قابىلىيىتى ۋە ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلىمەن. سىلەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ۋاقىتتا، ئاتا-ئانا، ئاكا-ئۇكا، ئۇرۇق-تۇغقان، يار-بۇرادەرلىرىڭلارمۇ سىلەرگە خائىنلىق قىلىدۇ. ئاراڭلاردىكى بەزى كىشىلەرمۇ ئۆلتۈرۈلىدۇ. ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ھەممە ئادەم سىلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىدۇ، ھالبۇكى ئۇلار بىر تال چېچىڭلارغىمۇ چېقىلالمايدۇ! چىداملىق بولغىنىڭلاردا، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىسىلەر. - يېرۇسالېمنىڭ دۈشمەن قوشۇنلىرى تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردا، ئۇنىڭ ۋەيران بولۇشقا ئاز قالغانلىقىنى بىلىڭلار. ئۇ چاغدا، يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئاھالىلەر تاغلارغا قاچسۇن، يېرۇسالېملىقلار شەھەردىن چىقىپ كەتسۇن، يېزىلاردىكىلەر شەھەرگە كىرمىسۇن. چۈنكى، شۇ چاغ خۇدانىڭ خەلقنى جازالايدىغان كۈنلىرىدۇر. شۇنىڭ بىلەن، مۇقەددەس يازمىلاردا بۇ توغرۇلۇق يېزىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. ئۇ كۈنلەردە، قېچىشى ئەپسىز بولغان ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالا ئېمىتىدىغان ئانىلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى، بۇ يەردىكى كىشىلەرگە ئېغىر ئاپەت كېلىدۇ. ئۇلار خۇدانىڭ غەزىپىگە ئۇچراپ، قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ ياكى تۇتقۇن قىلىنىپ، چەت دۆلەتلەرگە ھەيدىلىدۇ. خۇدانىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرگە بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقتى توشقۇچە، ئۇلار يېرۇسالېمنى ئاياغ ئاستى قىلىدۇ. - مەن كېلىشتىن بۇرۇن، قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار غەيرىي تۈس ئالىدۇ. يەر يۈزىدىكى ئەللەر دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ غەزەپلىك شاۋقۇنىدىن ئالاقزادە بولىدۇ. ئاسمان جىسىملىرى لەرزىگە كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئىنسانلار دۇنياغا كېلىدىغان ئاپەتلەرنى ئېسىگە ئېلىپ، ۋەھىمە ئىچىدە غال-غال تىترەپ ئەس-ھوشىنى يوقىتىدۇ. ئۇ چاغدا، ئىنسانئوغلىنىڭ كۈچ-قۇدرەت ۋە ئۇلۇغ شان-شەرەپ بىلەن بۇلۇت ئىچىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىلەر. شۇڭا، بۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈنگەن چاغدا، سىلەر بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ قەددىڭلارنى رۇسلاڭلار، چۈنكى بۇ، سىلەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇشۇڭلارغا ئاز قالدى دېگەنلىكتۇر. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق بىر تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى: - ئەنجۈر دەرىخى ۋە باشقا دەرەخلەرگە قاراڭلار. ئۇلارنىڭ يېڭى يوپۇرماق چىقارغانلىقىدىن يازنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئاز قالغانلىقىنى بىلىسىلەر. شۇنىڭدەك، مەن بايا دېگەن ئالامەتلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردا، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ نامايان بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىڭلار. بىلىپ قويۇڭلاركى، مانا بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي تۇرۇپ، بۇ ئەۋلاد كىشىلەر ئالەمدىن ئۆتمەيدۇ. ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم يوقالماي مەڭگۈ ئىناۋەتلىك بولىدۇ. - ھوشيار بولۇڭلار! ئۆزۈڭلارنى ئەيش-ئىشرەت ۋە تۇرمۇشنىڭ غەم-ئەندىشىلىرى بىلەن بىخۇدلاشتۇرماڭلار. قىيامەت كۈنى سىلەرگە گويا توساتتىن بېشىڭلارغا تاشلانغان توردەك كەلمىسۇن. چۈنكى، ئۇ ئاپەتلەر يەر يۈزىدىكى پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ بېشىغا كېلىدۇ. ھەر ۋاقىت ھوشيار بولۇڭلار، يۈز بېرىدىغان بۇ ئالامەتلەردىن ئامان-ئېسەن ئۆتەلىشىڭلار ۋە قىيامەت كۈنى ئىنسانئوغلى ئالدىدا قورقماي تۇرالىشىڭلار ئۈچۈن ھەر دائىم دۇئا قىلىڭلار، - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا كۈندۈزلىرى مەركىزىي ئىبادەتخانىدا تەلىم بېرىپ، ئاخشاملىرى شەھەردىن چىقىپ، كېچىنى زەيتۇن تېغىدا ئۆتكۈزەتتى. جامائەت ئۇنىڭ تەلىمىنى ئاڭلاش ئۈچۈن، تاڭ سەھەردە ئىبادەتخانىغا قاراپ ماڭاتتى. يەھۇدىيلارنىڭ پېتىر نان ھېيتى، يەنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى كېلىشكە ئاز قالغانىدى. ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ھەزرىتى ئەيسانى بىر ئامال قىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىشنىڭ چارىسىنى ئىزدىدى. بىراق، ئۇلار ئۇنى قوللايدىغان خەلقتىن قورققانلىقتىن، ئۇنى مەخپىي ھالدا تۇتماقچى بولۇشتى. شۇ كۈنلەردە، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئون ئىككى شاگىرتىنىڭ بىرى بولغان يەھۇدا ئىشقارىيوتنىڭ كۆڭلىگە شەيتان كىردى. ئۇ ئالىي روھانىيلار ۋە مەركىزىي ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن ھەزرىتى ئەيسانى ئۇلارغا قانداق تۇتۇپ بېرىش ئۈستىدە مەسلىھەتلەشتى. ئۇلارنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ، يەھۇداغا پۇل بېرىشكە ۋەدە بەردى. يەھۇدا ماقۇل بولۇپ، ھەزرىتى ئەيسانى جامائەتتىن خالىي قالغاندا ئۇلارغا تۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن، پۇرسەت ئىزدەشكە باشلىدى. پېتىر نان ھېيتىنىڭ قوي قۇربانلىق قىلىنىدىغان كۈنى يېتىپ كەلگەنىدى. ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى دەپ ئاتالغان بۇ كۈنى، يەھۇدىيلار ئۆيلىرىدە قوي سويۇپ، پېتىر نان بىلەن يەيتتى. شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسا پېترۇس بىلەن يۇھانناغا: - بىرگە غىزالىنىشىمىز ئۈچۈن، سىلەر بېرىپ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى تەييارلاڭلار، - دەپ ئۇلارنى ئەۋەتتى. - قەيەردە تەييارلىشىمىزنى خالايسىز؟ - دەپ سورىدى ئۇلار. ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - يېرۇسالېمغا كىرسەڭلار، ئۇ يەردە كوزىدا سۇ توشۇۋاتقان بىر ئەر كىشىنى ئۇچرىتىسىلەر. ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، ئۇ كىرگەن ئۆيگە كىرىڭلار ۋە ئۆي ئىگىسىگە: «ئۇستازىمىز: ˜شاگىرتلىرىم بىلەن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى يەيدىغان مېھمانلىق ئۆي قەيەردە ئىكەن؟Œ دەپ سوراۋاتىدۇ» دەڭلار. ئۇ سىلەرنى ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى جابدۇپ قويۇلغان بىر ئېغىز چوڭ ئۆيگە باشلاپ چىقىدۇ. مانا شۇ ئۆيدە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى تەييار قىلىڭلار. پېترۇس بىلەن يۇھاننا بارسا، ھەممە ئىشلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئېيتقىنىدەك بولۇپ چىقتى. ئۇلار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى تەييارلاشقا كىرىشتى. تاماق ۋاقتىدا، ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرى بىلەن بىللە كېلىپ، داستىخاندا ئولتۇردى. ئاندىن، ئۇ ئەلچىلىرىگە مۇنداق دېدى: - مەن ئازاب چېكىشتىن ئىلگىرى، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ بۇ تامىقىدا سىلەر بىلەن بىر داستىخاندا بولۇشقا ئىنتىزار بولۇپ كەلگەنىدىم. چۈنكى، بۇ ھېيتنىڭ ھەقىقىي مەنىسى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغۇچە، مەن بۇنداق ھېيتلىق تاماقنى قايتا يېمەيمەن. ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا بىر جامنى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا شۈكۈر ئېيتتى ۋە شاگىرتلىرىغا: - بۇنىڭدىن ئىچىڭلار. شۇنى ئېيتايكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى تولۇق نامايان بولمىغۇچە، ھەرگىز بۇنداق شارابنى ئىچمەيمەن، - دېدى. ئاندىن، ئۇ بىر ناننى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا شۈكۈر ئېيتتى ۋە ئۇنى ئوشتۇپ تۇرۇپ، ئۇلارغا بېرىپ: - بۇ مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن پىدا بولىدىغان تېنىمدۇر. مېنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن بۇنىڭدىن يەڭلار، - دېدى. تاماقتىن كېيىن، ئۇ يەنە جامنى قولىغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: - بۇ جامدىكى شاراب مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن تۆكۈلىدىغان قېنىم بىلەن تۈزۈلىدىغان خۇدانىڭ يېڭى ئەھدىسىنىڭ بەلگىسىدۇر. بىراق شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇ يەردە مەن بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغانلاردىن بىرى ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ! دەرۋەقە، ئىنسانئوغلى خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئالەمدىن ئۆتىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان كىشىنىڭ ھالىغا ۋاي! شاگىرتلار بىر-بىرىدىن: - بۇنداق قىلىدىغان زادى كىمدۇ؟ - دەپ سوراشتى. شاگىرتلار ئۆز ئىچىدە زادى كىمنىڭ مەرتىۋىسى ھەممىدىن يۇقىرى دەپ، تالاش-تارتىش قىلىشقا باشلىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - بۇ دۇنيادىكى پادىشاھلار ھۆكۈمران سۈپىتىدە قول ئاستىدىكى خەلقنى باشقۇرىدۇ ھەم ئۆزىنى خەلقپەرۋەر قىلىپ كۆرسىتىدۇ. لېكىن، سىلەر بۇنداق قىلماڭلار. ئاراڭلاردىكى ئەڭ مەرتىۋىلىكلەر ئۆزلىرىنى ئەرزىمەس كىشىلەردەك تۇتسۇن. باشلىق بولغىنىڭلار باشقىلارغا خىزمەت قىلىڭلار. ئادەتتە كىم مەرتىۋىلىك؟ داستىخاندا ئولتۇرغانمۇ ياكى خىزمەتكارمۇ؟ ئەلۋەتتە، داستىخاندا ئولتۇرغان ئەمەسمۇ؟ بىراق ماڭا كەلسەك، گەرچە مەن سىلەرنىڭ ئۇستازىڭلار بولساممۇ، ئاراڭلاردا خىزمەتكارغا ئوخشاشمەن. مەن سىناقلارنى بېشىمدىن ئۆتكۈزگەندە، سىلەر باشتىن-ئاخىر مەن بىلەن بىللە بولدۇڭلار. خۇددى ئاتام ماڭا پادىشاھلىق ھوقۇقى تەقدىم قىلغاندەك، سىلەرگىمۇ شۇنى تەقدىم قىلىمەن. سىلەر مېنىڭ پادىشاھلىقىمدا مەن بىلەن ھەمداستىخان بولىسىلەر ۋە تەختلەردە ئولتۇرۇپ، ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىسىلەر. ھەزرىتى ئەيسا يەنە مۇنداق دېدى: - ئەي سىمۇن، سىمۇن! شەيتاننىڭ ھەممىڭلارنى سىناش تەلىپىگە خۇدا ماقۇل بولدى. ئۇ سىلەرنى خۇددى بۇغداي تاسقىغاندەك سىنىماقچى. لېكىن، ماڭا بولغان ئېتىقادىڭ يوقالمىسۇن دەپ، ساڭا دۇئا قىلدىم. شەيتانغا سىنىلىپ، يولۇمغا قايتقاندىن كېيىن، قېرىنداشلىرىڭنىڭ ئېتىقادىنى مۇستەھكەملە. - ئى رەببىم، مەن سىز بىلەن بىللە زىندانغا تاشلىنىپ، بىللە ئۆلۈشكە تەييارمەن! - دېدى پېترۇس. - پېترۇس، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - بىلىپ قويغىنكى، ئەتە سەھەردە خوراز چىللىغۇچە، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن. ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىدىن: - بۇرۇن مەن سىلەرنى سەپەرگە ئەۋەتكەندە، ھەميان، خۇرجۇن ۋە ئاياغ ئالماڭلار، دېگەنىدىم. ئۇ چاغدا، بىرەر نەرسەڭلار كەم بولۇپ قالغانمۇ؟ - دەپ سورىدى. - ياق، - دەپ جاۋاب بېرىشتى شاگىرتلار. - لېكىن، ئەمدى ھەميان، خۇرجۇنى بارلار ئېلىۋېلىڭلار. قىلىچى يوقلار چاپىنىڭلارنى سېتىپ، بىردىن قىلىچ ئېلىڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا مەن توغرۇلۇق: «ئۇ جىنايەتچىلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلىدۇ» دەپ خاتىرىلەنگەن سۆز چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، مەن توغرۇلۇق يېزىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئېشىشقا ئاز قالدى. - ئى رەببىم، قاراڭ، بۇ يەردە ئىككى قىلىچ بار ئىكەن، - دېدى شاگىرتلار. - بولدى، يېتىدۇ! - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا. تاماقتىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلار بىلەن بىللە شەھەردىن چىقىپ، ئادىتى بويىچە زەيتۇن تېغىغا كەتتى. ئۇ يەرگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇلارغا: - ئېزىقتۇرۇلماسلىقىڭلار ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار، - دېدى. ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا نېرىراق بېرىپ، تىزلىنىپ تۇرۇپ: - ئى ئاتا، خالىساڭ، بۇ ئازاب قەدىھىنى مەندىن يىراقلاشتۇرغايسەن. لېكىن، بۇ ئىش مېنىڭ ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ئىرادەڭ بويىچە بولسۇن، - دەپ دۇئا قىلدى. ئۇ دۇئا قىلىۋاتقاندا، ئاسماندىن كەلگەن بىر پەرىشتە ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ، مەدەت بەردى. ھەزرىتى ئەيسا چوڭقۇر قايغۇ ئىچىدە تېخىمۇ ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلىۋاتقاندا، ئۇنىڭ تەرلىرى يەرگە تۆكۈلگەن قان تامچىلىرىدەك چۈشۈشكە باشلىدى. دۇئادىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ، شاگىرتلىرىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇلارنىڭ غەمگە چۆككەنلىكىدىن مۈگدەپ قالغانلىقىنى كۆردى. - ئۇخلاپ قالغىنىڭلار نېمىسى؟ ئېزىقتۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قوپۇپ دۇئا قىلىڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى ئويغىتىپ. ھەزرىتى ئەيسانىڭ سۆزى ئاياغلاشماستىنلا، ئون ئىككى شاگىرتىنىڭ بىرى بولغان يەھۇدا بىر توپ ئادەمنى باشلاپ كەلدى. ئۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ، سۆيۈپ سالام بەردى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ئەي يەھۇدا، ئىنسانئوغلىنى سۆيۈپ قويۇپمۇ، يەنە ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلامسەن؟ - دېدى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىدىكى شاگىرتلار ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى كۆرۈپ: - ئى رەببىم، ئۇلار بىلەن ئېلىشساق قانداق دەيسىز؟ - دېدى. شاگىرتلارنىڭ بىرى قىلىچىنى كۆتۈرۈپ، باش روھانىينىڭ چاكىرىغا ئۇردى. قىلىچ چاكارنىڭ ئوڭ قۇلىقىغا تېگىپ، ئۇنى شىلىپ چۈشۈرۈۋەتتى. بىراق، ھەزرىتى ئەيسا: - بەس! - دېدى ۋە قولىنى ئۇزىتىپ چاكارنىڭ قۇلىقىغا تەگكۈزۈپ قويۇۋىدى، شۇئان ساقىيىپ كەتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنى تۇتقىلى كەلگەن ئالىي روھانىيلار، ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىنىڭ باشلىقلىرى ۋە ئاقساقاللارغا: - سىلەر قىلىچ-توقماقلارنى كۆتۈرۈپ مېنى تۇتقىلى كەپسىلەر، مېنى قاراقچى كۆرۈۋاتامسىلەر؟ مەن ھەر كۈنى سىلەر بىلەن مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىدا بولغاندا، ماڭا قول سالمىدىڭلار. بىراق، ئەمدى قول سالىدىغان ۋاقىت-سائىتىڭلار يېتىپ كەلدى. بۇ شەيتان ھۆكۈم سۈرىدىغان قاراڭغۇ ۋاقىتتۇر، - دېدى. قاراۋۇللار ھەزرىتى ئەيسانى تۇتۇپ، باش روھانىينىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بېرىشتى. پېترۇس يىراقتىن ئەگىشىپ ماڭغانىدى. ئۇلار ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئوت يېقىپ، چۆرىسىدە ئىسسىنىپ ئولتۇرغاندا، پېترۇسمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالدى. ئۇنىڭ ئىسسىنىپ ئولتۇرغىنىنى كۆرگەن بىر دېدەك ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ: - بۇ ئادەممۇ ئەيسا بىلەن بىر! - دېدى. - ياق! مەن ئۇنى تونۇمايمەن! - دەپ تاندى پېترۇس. ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنە بىرەيلەن ئۇنى تونۇپ قېلىپ: - سەنمۇ ئۇنىڭ ئادىمىغۇ! - دېدى. - قارا سېنى، مەن ئۇلار بىلەن بىر ئەمەس! - دېدى پېترۇس. بىرەر سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، يەنە بىر ئادەم: - شۈبھىسىزكى، بۇ ئادەم ئەيسا بىلەن بىر. تەلەپپۇزىدىن ئۇنىڭمۇ جەلىلىيىلىك ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرمامدۇ؟! - دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى. لېكىن، پېترۇس: - قارا بۇنى، نېمە دەپ بىلجىرلاۋاتىسەن! - دېدى. ئۇنىڭ سۆزى ئاياغلاشماستىنلا خوراز چىللىدى. رەببىمىز ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ، پېترۇسقا تىكىلىپ قارىدى. پېترۇس رەب ئەيسانىڭ: «ئەتە سەھەردە خوراز چىللىغۇچە، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن» دېگەن سۆزىنى ئېسىگە ئېلىپ، تاشقىرىغا چىقىپ قاتتىق يىغلاپ كەتتى. ھەزرىتى ئەيساغا قاراۋاتقان قاراۋۇللار ئۇنى مەسخىرە قىلاتتى. ئۇنىڭ كۆزىنى تېڭىپ قويغاندىن كېيىن، ئۇنى ئۇرۇپ تۇرۇپ: - پەيغەمبەر بولساڭ، ئېيتىپ باققىنا، سېنى كىم ئۇردى؟ - دەپ سوراشتى ۋە ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ھاقارەتلەرنى ياغدۇرۇشقا باشلىدى. تاڭ ئاتقاندا، يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي كېڭەشمىسىدىكى ئاقساقاللار، ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى جەم بولۇشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيسادىن: - ئېيتقىن، سەن قۇتقۇزغۇچى- مەسىھمۇ؟ - دەپ سوراشتى. ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: - سىلەرگە ئېيتساممۇ، ئىشەنمەيسىلەر. سىلەردىن بىرەر سوئال سورىسام، جاۋاب بەرمەيسىلەر. لېكىن، ئىنسانئوغلىنىڭ قادىر خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدىغىنىغا ئاز قالدى. - ئۇنداقتا، سەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنسەن-دە؟ - دېيىشتى ئۇلار. - سىلەرنىڭ دېگىنىڭلاردەك! - دەپ جاۋاب بەردى ھەزرىتى ئەيسا. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار: - ئەمدى باشقا ھېچقانداق ئەرز قىلغۇچىنىڭ ھاجىتى قالمىدى. چۈنكى، ئۆزىنىڭ ئاغزىدىن كۇپۇر سۆزلەرنى ئاڭلىدۇق! - دېيىشتى. كېڭەشمە ھەيئەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇشۇپ، ھەزرىتى ئەيسانى ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى. ئۇ يەردە ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ: - بىز بۇ ئادەمنىڭ يەھۇدىي خەلقىنى ئازدۇرۇپ، رىم ئىمپېراتورىغا باج تاپشۇرماسلىققا قۇتراتقانلىقىنى ۋە ئۆزىنى يەھۇدىيلارنىڭ قۇتقۇزغۇچى- مەسىھى، يەنى پادىشاھى دەپ ئاتىۋالغانلىقىنى كۆردۇق، - دېيىشتى. - سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇ؟ - دەپ سورىدى پىلاتۇس ھەزرىتى ئەيسادىن. - ئېيتقىنىڭىزدەك، - دەپ جاۋاب بەردى ھەزرىتى ئەيسا. ئاندىن، پىلاتۇس ئالىي روھانىيلار بىلەن كۆپچىلىككە: - بۇ ئادەمدىن بىرەر جىنايەت تاپالمىدىم، - دېدى. لېكىن، ئۇلار تېخىمۇ قەتئىي تۈردە: - ئۇ ئۆز تەلىملىرى بىلەن پۈتۈن يەھۇدىيلار زېمىنىدىكى ئاممىنى قۇترىتىپ، جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن باشلاپ تاكى بۇ يەرگىچە كەلدى، - دېيىشتى. بۇنى ئاڭلىغان پىلاتۇس: - بۇ ئادەم جەلىلىيىلىكمۇ؟ - دەپ سورىدى. ئۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ھىرود خاننىڭ قول ئاستىدىكى ئۆلكىدىن كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى ھىرودقا يوللاپ بەردى. (ئۇ چاغدا ھىرودمۇ يېرۇسالېمدا ئىدى.) ھىرود خان ھەزرىتى ئەيسانى كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇشال بولدى. چۈنكى، ئۇ ئۇزۇندىن بېرى ھەزرىتى ئەيساغا دائىر ئىشلارنى ئاڭلاپ، «مېنىڭ ئالدىمدىمۇ بىرەر مۆجىزە كۆرسىتىپ باقسۇن!» دەپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى بولۇپ يۈرەتتى. شۇڭا، ئۇ ھەزرىتى ئەيسادىن بىرمۇنچە سوئاللارنى سورىدى. لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىدى. ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۈستىدىن ھە دەپ ئەرز-شىكايەت قىلىۋاتاتتى. ھىرود خان ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرى ھەزرىتى ئەيسانى ھاقارەتلەپ مەسخىرە قىلىشتى. ئاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا پادىشاھلارچە ھەشەمەتلىك تون كىيدۈرۈپ، ئۇنى يەنە پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا قايتۇردى. مانا شۇ كۈندىن باشلاپ، ھىرود خان بىلەن ۋالىي پىلاتۇس دوست بولۇپ قالدى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن، ئۇلار بىر-بىرىگە دۈشمەن ئىدى. ۋالىي پىلاتۇس ئالىي روھانىيلارنى، يەھۇدىي ئاقساقاللارنى ۋە جامائەتنى يىغىپ، ئۇلارغا: - سىلەر بۇ ئادەمنى ئالدىمغا ھەيدەپ كەلدىڭلار. ئۇنىڭ ئۈستىدىن خەلقنى ئازدۇرۇپ قۇتراتتى، دەپ شىكايەت قىلدىڭلار. بىراق، مەن ئۇنى سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا سوراق قىلىپ، سىلەر شىكايەت قىلغان جىنايەتلەردىن بىرىنىمۇ تاپالمىدىم. ھىرود خانمۇ ئۇنىڭدىن گۇناھ تاپالماي، ماڭا قايتۇرۇۋېتىپتۇ. چۈنكى، ئۇنىڭدا ئۆلۈمگە لايىق ھېچقانداق جىنايەت يوق ئىكەن. ئەمدى، مەن ئۇنى قامچىلىتىپ، قويۇپ بېرىمەن، - دېدى. ئۇنىڭ مۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى: ئۇ ھەر قېتىملىق ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا، يەھۇدىي جىنايەتچىلىرىدىن بىرىنى قويۇپ بېرەتتى. بىراق، كۆپچىلىك بىر ئېغىزدىن چۇقان سېلىشىپ: - ئۇنى ئۆلتۈرۈڭ! بارابباسنى قويۇپ بېرىڭ! - دېيىشتى. (بارابباس يېرۇسالېمدا توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ، زىندانغا تاشلانغان بىر جىنايەتچى ئىدى.) پىلاتۇس ھەزرىتى ئەيسانى قويۇپ بەرمەكچى بولۇپ، كۆپچىلىككە قايتا نەسىھەت قىلدى. لېكىن، ئۇلار ھە دەپ: - ئۇنى كرېستكە مىخلىتىڭ، كرېستكە مىخلىتىڭ! - دەپ چۇقان سېلىشتى. پىلاتۇس ئۈچىنچى قېتىم ئۇلارغا: - نېمىشقا؟ ئۇ زادى نېمە جىنايەت ئۆتكۈزدى؟ مەن ئۇنىڭدىن ئۆلۈمگە لايىق جىنايەت تاپالمىدىم. ئۇنى قامچىلىتىپ، قويۇپ بېرىمەن، - دېدى. بىراق، كۆپچىلىك داۋاملىق چۇقان سېلىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانى كرېستكە مىخلاپ ئېسىپ ئۆلتۈرسۇن دەپ، چىڭ تۇرۇۋالدى. ئۇلارنىڭ چۇقانلىرى ئاخىر غەلىبە قىلدى. پىلاتۇس ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە ھۆكۈم چىقاردى. توپىلاڭ كۆتۈرۈپ زىندانغا تاشلانغان ھېلىقى قاتىلنى قويۇپ بېرىپ، ھەزرىتى ئەيسانى يەھۇدىيلارنىڭ ئۆز خاھىشى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن لەشكەرلەرگە تاپشۇرۇپ بەردى. لەشكەرلەر كرېستنى كۆتۈرگەن ھەزرىتى ئەيسانى ئېلىپ كېتىۋاتقاندا، يولدا يېزىدىن كېلىۋاتقان كىرىنى شەھىرىلىك سىمۇن ئىسىملىك بىر كىشىنى ئۇچراتتى. ئۇلار بۇ كىشىنى تۇتۇۋېلىپ كرېستنى ئۇنىڭغا كۆتۈرگۈزۈپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ كەينىدىن ھەيدەپ ماڭدى. چۈنكى، ھەزرىتى ئەيسا ھالسىراپ كەتكەنىدى. نۇرغۇن كىشىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەزرىتى ئەيساغا ئېچىنىپ يىغا-زار قىلىشىپ ماڭغان ئاياللارمۇ بار ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - ئەي يېرۇسالېم ئاياللىرى! مەن ئۈچۈن يىغلىماڭلار. ئۆزۈڭلار ۋە پەرزەنتلىرىڭلار ئۈچۈن يىغلاڭلار! چۈنكى، سىلەرگە شۇنداق ئېغىر كۈنلەر كېلىدۇكى، كىشىلەر: «پەرزەنت كۆرمىگەن، ھامىلىدار بولمىغان، بالا ئېمىتمىگەن ئاياللار نېمىدېگەن بەختلىك!» دەيدۇ. ئۇ چاغدا، كىشىلەر خۇدانىڭ غەزىپىدىن قېچىش ئۈچۈن تاغلارغا: «ئۈستىمىزگە ئۆرۈل!»، دۆڭلۈكلەرگىمۇ: «ئۈستىمىزنى ياپ!» دەپ يالۋۇرىدۇ. ياپيېشىل دەرەخ ئوتتا كۆيدۈرۈلگەن يەردە، قۇرۇپ كەتكەن دەرەخ تېخىمۇ كۆيدۈرۈلمەسمۇ؟! شۇنىڭدەك، مەن ئازاب چەككەن يەردە، سىلەر گۇناھكار يەھۇدىيلار تېخىمۇ ئازاب چەكمەمسىلەر؟! لەشكەرلەر ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىرگە ئىككى جىنايەتچىنىمۇ ئۇلار ئۈستىدىن ئۆلۈم جازاسىنى بېجىرىشكە ئېلىپ كېلىشكەنىدى. ئۇلار يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدىكى «باش سۆڭەك» دەپ ئاتالغان جايغا بېرىپ، ئۇ يەردە ھەزرىتى ئەيسانى كرېستكە مىخلىدى. ئىككى جىنايەتچىنىڭمۇ بىرىنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئوڭ تەرىپىگە، يەنە بىرىنى سول تەرىپىگە مىخلىدى ۋە كرېستلەرنى تىكلەپ قويدى. ھەزرىتى ئەيسا: - ئى ئاتا، ئۇلارنى كەچۈرۈم قىلغىن، چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ، - دېدى. لەشكەرلەر چەك تاشلىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ كىيىملىرىنى بۆلۈشۈۋالدى. خالايىق قاراپ تۇرۇۋاتقاندا، يەھۇدىي ئاقساقاللار ئۇنى مەسخىرە قىلىپ: - ئۇ باشقىلارنى قۇتقۇزۇپتىكەن! ئەگەر راستتىن خۇدا تەيىنلىگەن قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ بولغان بولسا، ئۆزىنى قۇتقۇزۇپ باقمىسۇنمۇ! - دېيىشتى. لەشكەرلەرمۇ ئۇنى مەسخىرە قىلىشىپ، ئۇنىڭغا ئەرزان ئۈزۈم شارابى تەڭلەپ: - ئەگەر سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى بولساڭ، ئۆزۈڭنى قۇتقۇزۇپ باق! - دېيىشتى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۈستىدىكى تاختىغا: «بۇ كىشى يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى» دەپ يېزىلغانىدى. ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىللە كرېستكە مىخلانغان ئىككى جىنايەتچىنىڭ بىرى ئۇنى ھاقارەتلەپ: - سەن خۇدا ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچى ئەمەسمىدىڭ؟ ئەمدى ئۆزۈڭنىمۇ، بىزنىمۇ قۇتقۇزمامسەن؟! - دېدى. يەنە بىرى بولسا ھېلىقى جىنايەتچىنى ئەيىبلەپ: - سەنمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش جازالىنىۋاتقان تۇرۇقلۇق، خۇدادىن قورقمىدىڭمۇ؟ بىزنىڭ جازالىنىشىمىز ھەقلىق. بىز ئۆز قىلمىشلىرىمىزنىڭ جازاسىنى تارتتۇق، لېكىن ئۇ ھېچقانداق يامانلىق قىلمىغانغۇ! - دېدى. ئاندىن، ئۇ ھەزرىتى ئەيساغا: - ئى ئەيسا، پادىشاھلىقىڭ بىلەن كەلگىنىڭدە، مېنى ئۇنتۇمىغايسەن، - دېدى. - بىلىپ قويكى، بۈگۈن سەن مەن بىلەن بىللە جەننەتتە بولىسەن، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا. چۈش ۋاقتىدا، قۇياش نۇرى غايىب بولۇپ، پۈتۈن زېمىننى قاراڭغۇلۇق باستى. بۇ ئەھۋال ئۈچ سائەت داۋام قىلدى. مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى پەردە توساتتىن ئىككى پارچە بولۇپ يىرتىلدى. ھەزرىتى ئەيسا قاتتىق ئاۋاز بىلەن: - ئى ئاتا! روھىمنى قولۇڭغا تاپشۇردۇم، - دېدى-دە، تىنىقى توختاپ، جان ئۈزدى. ئۇ يەردە بۇنى كۆرۈپ تۇرغان يۈزبېشى خۇدادىن قورققان ھالدا: - بۇ ئادەم ھەقىقەتەن دۇرۇس ئادەم ئىكەن! - دەپ خۇدانى مەدھىيىلىدى. بۇ ۋەقەنى كۆرۈش ئۈچۈن يىغىلغان خالايىق قايغۇ بىلەن مەيدىسىگە ئۇرۇپ، ئۆيلىرىگە قايتىشتى. ھەزرىتى ئەيسانى تونۇيدىغان كىشىلەر ۋ ە جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن ئاياللار ۋەقەنىڭ جەريانىنى يىراقتىن كۆرۈپ تۇردى. يۈسۈپ ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتىنى بېرىشنى تەلەپ قىلدى. پىلاتۇس قوشۇلغاندىن كېيىن، ئۇ جەسەتنى كرېستتىن چۈشۈرۈپ، كەندىر رەخت بىلەن كېپەنلەپ، يېڭىدىن ئويۇلغان چوڭ قورام تاشلىق قەبرىگە دەپنە قىلدى. بۇ ۋەقەلەر ھېيتنىڭ ھارپىسى يۈز بەرگەن بولۇپ، دەم ئالىدىغان شەنبە كۈنىگە ئاز قالغانىدى. شۇڭا، جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىللە كەلگەن ئاياللار يۈسۈپ بىلەن بىللە بېرىپ، قەبرىنى ۋە جەسەتنىڭ قانداق قويۇلغانلىقىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئاندىن، ئۆيلىرىگە قايتىپ بېرىپ، جەسەتكە چاچىدىغان خۇش پۇراقلىق بۇيۇملار بىلەن ئەتىرلەرنى تەييارلىدى. دەم ئېلىش كۈنى، خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە، ئۇلار دەم ئېلىشتى. يەكشەنبە كۈنى تاڭ يورۇشى بىلەن تەڭ، ئاياللار ئۆزلىرى تەييارلىغان خۇش پۇراقلىق بۇيۇملىرىنى ئېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ قەبرىسىگە باردى. ئۇلار قەبرىنىڭ ئاغزىدىكى تاشنىڭ دومىلىتىۋېتىلگەنلىكىنى كۆردى. قەبرىگە كىرىپ قارىسا، ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتى يوق تۇراتتى! ئۇلار كۆزلىرىگە ئىشەنمەي تۇرغىنىدا، توساتتىن ئۇلارنىڭ يېنىدا كىيىملىرىدىن نۇر چاقناپ تۇرىدىغان ئىككى كىشى پەيدا بولدى. ئاياللار ئىنتايىن ئالاقزادە بولۇپ، باشلىرىنى يەرگە ئېگىشتى. ئۇ پەرىشتىلەر ئاياللارغا: - سىلەر نېمە ئۈچۈن تىرىك ئادەمنى ئۆلگەنلەرنىڭ ئارىسىدىن ئىزدەيسىلەر؟ ئۇ بۇ يەردە ئەمەس، ئۇ تىرىلدى. ئۇ جەلىلىيە ئۆلكىسىدە تۇرغان ۋاقتىدا، سىلەرگە نېمە دېگەنلىكىنى ئەسلەپ بېقىڭلار. ئۇ: «ئىنسانئوغلى يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ، كرېستكىمۇ مىخلىنىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. بىراق، ئۈچىنچى كۈنى قايتا تىرىلىدۇ» دېگەن ئەمەسمۇ؟! - دېدى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ راست شۇنداق دېگەنلىكىنى ئېسىگە ئېلىشىپ، قەبرە يېنىدىن قايتىشتى. ئۇلار كۆرگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئون بىر ئەلچى ۋە باشقا شاگىرتلارغا يەتكۈزدى. بۇ ئىشلارنى ئەلچىلەرگە يەتكۈزگۈچى ئاياللار - مەجدەللىك مەريەم، يوئاننا، ياقۇپنىڭ ئانىسى مەريەم ۋە باشقا ئاياللار ئىدى. لېكىن، ئەلچىلەر بۇ ئاياللارنىڭ ئېيتقانلىرىنى قۇرۇق گەپ دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنمىدى. بىراق، پېترۇس ئورنىدىن تۇرۇپ، مازارغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، قەبرىنىڭ ئىچىگە قارىغىنىدا، ھېلىقى كەندىر كېپەندىن باشقا ھېچ نەرسە كۆرمىدى. ئۇمۇ بۇ ئىشلارغا ئىنتايىن ھەيران بولۇپ قايتىپ كەتتى. شۇ كۈنى، شاگىرتلاردىن ئىككىيلەن يېرۇسالېمدىن ئون بىر چاقىرىم يىراقلىقتىكى ئېمايۇس دېگەن يېزىغا باردى. ئۇلار يول بويى يېقىندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر توغرىسىدا سۆزلىشىپ كېتىۋاتاتتى. دەل شۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزى ئۇلارغا يېقىنلاپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن بىللە ماڭدى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى كۆرگەن بولسىمۇ، قانداقتۇر ئۇنى تونۇشقا قۇربى يەتمىدى. - نېمە توغرۇلۇق پاراڭلىشىپ كېتىۋاتىسىلەر؟ - دەپ سورىدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن. ئۇلار قايغۇلۇق ھالدا قەدىمىنى توختاتتى. ئۇلاردىن كلىيوپاس ئىسىملىك بىرى ھەزرىتى ئەيسادىن: - سەنزە، يېرۇسالېمدا تۇرۇپمۇ، يېقىندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن قىلچە خەۋىرىڭ يوقمۇ نېمە؟ - دەپ سورىدى. - نېمە ۋەقە ئىكەن؟ - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. - ناسىرەلىك ئەيسانىڭ ۋەقەسىچۇ! - دېدى ئۇلار، - ئۇ خۇدانىڭ ئالدىدىمۇ، خەلقنىڭ ئالدىدىمۇ سۆز-ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچى بار بىر پەيغەمبەر ئىدى. ئالىي روھانىيلار ۋە ئاقساقاللىرىمىز ئۇنى ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا يالاپ ئاپىرىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدۇرۇپ، كرېستكە مىخلاتتى. بىز ئەسلىدە ئۇنى ئىسرائىللارغا ئازادلىق ئېلىپ كېلىدىغان كىشى دەپ، ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈپ كەلگەنىدۇق. بىراق، بۇنداق بولماي، ھازىر ئۇنىڭ ئالەمدىن ئۆتكىنىگە ئۈچ كۈن بولدى. لېكىن قىزىق يېرى شۇكى، بۈگۈن ئەتىگەندە ئارىمىزدىكى بىرنەچچە ئايال بىزنى ئالاقزادە قىلىپ، بىزگە مۇنداق بىر خەۋەرنى يەتكۈزدى: ئۇلار سەھەردە قەبرىگە بېرىپ قارىسا، ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتى كۆرۈنمەپتۇ! پەرىشتىلەر ئۇلارغا كۆرۈنۈپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ قايتا تىرىلگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن، بىزدىن بىرنەچچەيلەن قەبرىگە بېرىپ، ئەھۋالنىڭ ئاياللارنىڭ ئېيتقىنىدەك ئىكەنلىكىنى، ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتىنىڭ دەرۋەقە يوق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ كەلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - ئەي نادانلار! پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىگە نېمانچە تەستە ئىشىنىسىلەر؟ قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ خۇدانىڭ شان-شەرىپىگە ئېرىشىشتىن بۇرۇن، مانا شۇ جەبىر-جاپالارنى بېشىدىن كەچۈرۈشى كېرەك ئەمەسمىدى؟ ئاندىن، ئۇ مۇقەددەس يازمىلاردا مۇسا ۋە باشقا بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئالدىن يېزىلغانلىرىنى ئۇلارغا سۆزلەپ چۈشەندۈردى. ئۇلار بارىدىغان يېزىسىغا يېقىنلاشقاندا، ھەزرىتى ئەيسا سەپىرىنى يەنە داۋاملاشتۇرىدىغاندەك تۇراتتى. ئۇلار ئۇنى تۇتۇۋېلىپ: - كۈن ئولتۇردى. ھېلى قاراڭغۇ چۈشىدۇ. بىز بىلەن بىللە قونۇپ قېلىڭ، - دەپ ئۆتۈندى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلار بىلەن قونماقچى بولۇپ ئۆيگە كىردى. ئۇلار تاماققا ئولتۇرغاندا، ھەزرىتى ئەيسا ناننى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا شۈكۈر ئېيتتى، ئاندىن ناننى ئوشتۇپ ئۇلارغا سۇندى. شۇ چاغدا، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئېچىلغاندەك بولۇپ، ھەزرىتى ئەيسانى تونۇدى، لېكىن ئۇ ئۇشتۇمتۇت غايىب بولدى. ئۇلار بىر-بىرىگە: - ئۇ يولدا بىز بىلەن پاراڭلىشىپ، مۇقەددەس يازمىلارنى چۈشەندۈرگەندە، قەلبىمىز گويا ئوتتەك يانمىدىمۇ؟! - دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن، بۇ ئىككىيلەنمۇ يولدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ۋە ھەزرىتى ئەيسا ناننى ئوشتۇۋاتقاندا، ئۆزلىرىنىڭ ئۇنى قانداق تونۇپ قالغانلىقىنى كۆپچىلىككە سۆزلەپ بەردى. شاگىرتلار بۇ ۋەقە ئۈستىدە سۆزلىشىۋاتقاندا، توساتتىن ھەزرىتى ئەيسا ئۆزى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەيدا بولۇپ: - سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، - دېدى. ئۇلار بىرەر روھنى ئۇچراتتۇقمۇ نېمە دەپ، ئالاقزادە بولۇشۇپ كەتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - نېمىگە شۇنچە قورقۇشۇپ كەتتىڭلار؟ نېمىدىن گۇمانلىنىسىلەر؟ قولۇم بىلەن پۇتۇمغا قاراپ بېقىڭلار! بۇ مەن! تۇتۇپ باقساڭلار بىلىسىلەر، روھنىڭ گۆش-ئۇستىخىنى يوق. قاراڭلار، مېنىڭ بار، - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا شۇنداق دېگەچ پۇت-قولىنى كۆرسەتتى. ئۇلار يەنىلا ئىشەنمەي، بىر خۇش بولسا، بىر ھەيران بولۇشۇپ تۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن: - سىلەردە يەيدىغان نەرسە بارمۇ؟ - دەپ سورىدى. ئۇلار بىر پارچە بېلىق كاۋىپىنى سۇنۇۋىدى، ھەزرىتى ئەيسا ئېلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا يېدى. ئاندىن، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى مەن ئىلگىرى سىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمدا ئېيتقانىدىم. مەن: «مۇسا خاتىرىلىگەن تەۋرات، باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرى ۋە زەبۇردا بايان قىلىنغان ماڭا دائىر ئىشلارنىڭ ھەممىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ» دېگەن ئەمەسمۇ؟ شۇنىڭدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ مۇقەددەس يازمىلارنى چۈشىنىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ زېھنىنى ئېچىپ، مۇنداق دېدى: - مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن مۇنداق خاتىرىلەنگەن: قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئازاب چېكىپ، ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۈچىنچى كۈنى ئۆلۈمدىن تىرىلىدۇ. «گۇناھلىرىغا توۋا قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇ ئارقىلىق كەچۈرۈم قىلىنىدۇ» دېگەن خۇش خەۋەر يېرۇسالېمدىن باشلاپ پۈتۈن ئەللەرگە تارقىتىلىدۇ. سىلەر ئەمدى بۇ ۋەقەلەرنىڭ گۇۋاھچىلىرى بولىسىلەر. ئاتام بېرىمەن، دەپ ۋەدە قىلغان مۇقەددەس روھنى سىلەرگە ئاتا قىلىمەن. بىراق، سىلەر ئەرشتىن كەلگەن مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە تولدۇرۇلغۇچە، يېرۇسالېمدا كۈتۈپ تۇرۇڭلار. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدىكى بەيتانىيا يېزىسىغىچە باشلاپ باردى ۋە قوللىرىنى كۆتۈرۈپ ئۇلارغا بەخت تىلىدى. ئۇ بەخت تىلەۋېتىپ، ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيساغا ئىبادەت قىلىشتى ۋە ئىنتايىن خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىپ، ھەمىشە مەركىزىي ئىبادەتخانىدا خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشۇپ تۇردى. ھەممىدىن بۇرۇن «كالام» مەۋجۇت ئىدى. ئۇ خۇدا بىلەن بىللە ئىدى ھەم ئۆزى خۇدا ئىدى. ئۇ، ئالەم يارىتىلىشتىن بۇرۇنلا خۇدا بىلەن بىللە ئىدى. ئۇ ئارقىلىق بارلىق مەۋجۇداتلار يارىتىلدى. ھېچقانداق مەۋجۇدات ئۇنىڭسىز يارىتىلغان ئەمەس. «كالام» ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى بولۇپ، بۇ ھاياتلىق ئىنسانلارغا نۇر ئېلىپ كەلدى. نۇر قاراڭغۇلۇقنى يورۇتىدۇ. قاراڭغۇلۇق بولسا نۇرنى ھەرگىز بېسىپ چۈشەلىگەن ئەمەس. ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، بىر ئادەم خۇدا تەرىپىدىن مەيدانغا كەلدى. ئۇنىڭ ئىسمى يەھيا ئىدى. ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆزى ئارقىلىق «ھەقىقىي نۇر»~غا ئىشىنىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىشكە كەلگەنىدى. يەھيا پەيغەمبەر ئۆزى «ھەقىقىي نۇر» ئەمەس، ئۇ پەقەت «ھەقىقىي نۇر»~غا گۇۋاھلىق بەرگۈچىدۇر. دۇنياغا كېلىدىغان بۇ «ھەقىقىي نۇر» پۈتكۈل ئىنساننى يورۇتىدىغان نۇردۇر. دۇنيا «كالام» ئارقىلىق يارىتىلغان بولسىمۇ، «كالام» بۇ دۇنياغا كەلگەندە، دۇنيا ئۇنى تونۇمىدى. ئۇ ئۆز تۇپرىقىغا كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنى ئۆز خەلقى قوبۇل قىلمىدى. شۇنداقتىمۇ، ئۇ ئۆزىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە خۇدانىڭ پەرزەنتى بولۇش ھوقۇقىنى بەردى. بۇ ھوقۇققا ئېرىشكەنلەر يا قاندىن، يا جىنسىي تەلەپتىن، يا ئىنسان خاھىشىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئىرادىسىدىن قايتا تۆرەلگەن بولىدۇ. «كالام» ئىنسان بولدى ھەم ئارىمىزدا ياشىدى. ئۇ مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەتكە تولغان بولۇپ، بىز ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، يەنى ئاتىمىز خۇدانىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆردۇق. يەھيا پەيغەمبەر ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىپ، خالايىققا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى: - مەن سىلەرگە: «مەندىن كېيىن كەلگۈچى مەندىن ئۇلۇغدۇر، چۈنكى ئۇ مەن تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا مەۋجۇت» دېگەنىدىمغۇ. ئۇ دەل مۇشۇ كىشىدۇر! ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى چەكسىز بولغاچقا، ھەممىمىز ھەر دائىم بەخت ئۈستىگە بەختكە ئېرىشىپ كەلدۇق. چۈنكى، تەۋرات قانۇنى مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن بولسا، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە ھەقىقىتى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يەتكۈزۈلدى. خۇدانى ھېچكىم كۆرۈپ باققان ئەمەس. بىراق، ئۇنى ئاتىمىز خۇدانىڭ ھەمراھى ۋە يېگانە ئوغلى، شۇنداقلا ئۆزى خۇدا بولغان ئەيسا مەسىھ بىزگە بىلدۈردى. يېرۇسالېمدىكى يەھۇدىي ئاقساقاللىرى خۇدانىڭ ئەۋەتىدىغان قۇتقۇزغۇچىسىنىڭ يەھيا پەيغەمبەر ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، روھانىيلار بىلەن مەركىزىي ئىبادەتخانىدا ئىشلەيدىغان لاۋىيلارنى يەھيانىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى. يەھيا پەيغەمبەر ئىككىلەنمەستىن: - مەن قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئەمەسمەن، - دەپ ئېنىق جاۋاب بەردى. ئۇلار ئۇنىڭدىن: - ئۇنداقتا ئۆزۈڭ كىم بولىسەن؟ ئىلياس پەيغەمبەر بولامسەن؟ - دەپ سورىدى. - ياق! مەن ئىلياس پەيغەمبەر ئەمەسمەن، - دېدى ئۇ. - ئەمىسە، مۇسا پەيغەمبەر ئالدىن ئېيتقان پەيغەمبەرمۇسەن؟ - دەپ سورىدى ئۇلار. يەھيا پەيغەمبەر يەنە: - ياق! - دەپ رەت قىلدى. ئاخىردا، ئۇلار: - ئۇنداقتا، سەن زادى كىم بولىسەن؟ بىزنى ئەۋەتكەنلەرگە ئېيتقۇدەك بىر جاۋاب بەرگىن. ئېيتقىنا. سەن قانداق ئادەمسەن؟ - دەپ سورىدى. يەھيا پەيغەمبەر مۇنداق جاۋاب بەردى: - يەشايا پەيغەمبەر بۇرۇن ئېيتقان، خۇدا ئەۋەتىدىغان قۇتقۇزغۇچى كېلىشتىن ئىلگىرى چۆلدە، «رەببىمىزنىڭ كېلىشىگە تۈز يول تەييار قىلىڭلار» دەپ توۋلايدىغان كىشى مەندۇرمەن! يەھيا پەيغەمبەر ئۇلارغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: - مەن كىشىلەرنى سۇغىلا چۆمۈلدۈرىمەن، لېكىن ئاراڭلاردا سىلەر تونۇمايدىغان بىرى بار. ئۇ مەندىن كېيىن كەلگۈچى بولۇپ، مەن ھەتتا ئۇنىڭ ئايىغىنىڭ يىپلىرىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن! مانا بۇ ئىشلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قېتىدىكى بەيتانىيا دېگەن يېزىدا، يەنى يەھيا پەيغەمبەر كىشىلەرنى دەريادا چۆمۈلدۈرۈۋاتقان يەردە يۈز بەرگەنىدى. ئەتىسى، يەھيا پەيغەمبەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: - مانا بۇ، پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ گۇناھىدىن ئازاد قىلىنىشى ئۈچۈن ھازىرلانغان خۇدانىڭ قوزىسىدۇر! مەن سىلەرگە: «مەندىن كېيىن كەلگۈچى مەندىن ئۇلۇغدۇر، چۈنكى ئۇ مەن تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا مەۋجۇت ئىدى» دېگەنىدىم. مانا بۇ دەل مەن تىلغا ئالغان ئاشۇ كىشىدۇر! مەن بۇرۇن ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلمىسەممۇ، بۇ قۇتقۇزغۇچى ئىسرائىللارغا ئايان بولسۇن دەپ، سىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرگىلى كەلدىم. يەھيا پەيغەمبەر يەنە گۇۋاھلىق بېرىپ مۇنداق دېدى: - مەن خۇدانىڭ روھىنىڭ كەپتەر ھالىتىدە ئاسماندىن چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قونغانلىقىنى كۆردۈم. مەن ئۇنىڭ قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنىدىم. بىراق، مېنى كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرۈشكە ئەۋەتكەن خۇدا ماڭا: «سەن خۇدانىڭ روھىنىڭ چۈشۈپ، بىرىنىڭ ئۈستىگە قونىدىغانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇ، كىشىلەرنى خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا چۆمۈلدۈرىدىغان قۇتقۇزغۇچىدۇر!» دېگەنىدى. ھازىر راستتىنلا بۇ ۋەقەنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن، ئۇنىڭ شەكسىز خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن! ئەتىسى، يەھيا پەيغەمبەر ئىككى شاگىرتى بىلەن يەنە شۇ يەردە ئىدى. ئۇ، ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ھەزرىتى ئەيسانى كۆرۈپ: - قاراڭلار! خۇدانىڭ قۇربان قىلىنىدىغان قوزىسى! - دېدى. بۇ سۆزنى ئاڭلىغان ئىككى شاگىرت ھەزرىتى ئەيسانىڭ كەينىدىن مېڭىشتى. ھەزرىتى ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئەگىشىپ كېلىۋاتقانلاردىن: - نېمىگە ھاجىتىڭلار چۈشۈپ قالدى؟ - دەپ سورىدى. ئۇلار: - راببونى (بۇ ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ، «ئۇستاز» دېگەن مەنىدە)، قەيەردە تۇرىسىز؟ - دېدى. - كېلىپ كۆرۈڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار بېرىپ ئۇنىڭ قەيەردە تۇرىدىغانلىقىنى كۆردى. بۇ، چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتلەر بولغان ۋاقىت بولۇپ، ئۇلار ئۇ كۈننى ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىللە ئۆتكۈزدى. يەھيا پەيغەمبەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ كەينىدىن ماڭغان ئىككى كىشىنىڭ بىرى سىمۇن پېترۇسنىڭ ئىنىسى ئەندەر ئىدى. ئەندەر دەرھال ئۆز ئاكىسى سىمۇننى تېپىپ، ئۇنىڭغا: - بىز «مەسىھ»~نى تاپتۇق! - دېدى. («مەسىھ» ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ، «خۇدا تەيىنلىگەن قۇتقۇزغۇچى» دېگەن مەنىدە.) ئەندەر ئاكىسىنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا قاراپ: - يۇھاننانىڭ ئوغلى سىمۇن، بۇنىڭدىن كېيىن سېنىڭ ئىسمىڭ «كىفاس» بولسۇن، - دېدى. («كىفاس» گرېك تىلىدىكى «پېترۇس» دېگەن سۆز بىلەن مەنىداش بولۇپ، «قورام تاش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.) ئەتىسى، ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىگە بېرىشنى قارار قىلدى. ئۇ فىلىپنى تېپىپ، ئۇنىڭغا: - ماڭا ئەگىشىپ ماڭ! - دېدى. فىلىپ بەيتسايدالىق بولۇپ، ئەندەر بىلەن پېترۇسنىڭ يۇرتدىشى ئىدى. فىلىپ ناتانيەلنى تېپىپ، ئۇنىڭغا: - مۇسا پەيغەمبەر تەۋراتتا ئالدىن ئېيتقان، باشقا پەيغەمبەرلەرمۇ تىلغا ئالغان قۇتقۇزغۇچى- مەسىھنى تاپتۇق. ئۇ، يۈسۈپنىڭ ئوغلى ناسىرەلىك ئەيسا ئىكەن! - دېدى. بىراق، ناتانيەل: - ناسىرەلىكمۇ؟! ئاشۇ كىچىك بىر شەھەردىن مۇنداق ياخشى ئىش چىقارمۇ؟ - دېدى. - كېلىپ كۆرۈپ باق! - دېدى فىلىپ. ھەزرىتى ئەيسا ناتانيەلنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ توغرۇلۇق: - مانا بۇ، ئىچىدە قىلچە ھىيلە-مىكرىسى يوق ھەقىقىي بىر ئىسرائىل! - دېدى. - مېنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمنى قەيەردىن بىلدىڭىز؟ - دەپ سورىدى ناتانيەل ھەيران بولۇپ. ھەزرىتى ئەيسا: - فىلىپ سېنى چاقىرىشتىن ئاۋۋال، سېنىڭ ئەنجۈر دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇرغانلىقىڭنى كۆرگەنىدىم، - دەپ جاۋاب بەردى. ناتانيەل ھەزرىتى ئەيسانىڭ باشقىلار كۆرەلمەيدىغان ئىشلارنى كۆرەلەيدىغانلىقىدىن ھەيران بولۇپ: - ئۇستاز، سىز شەكسىزكى خۇدانىڭ ئوغلى، ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى ئىكەنسىز! - دەپ ئېتىراپ قىلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: - سېنى ئەنجۈر دەرىخىنىڭ تۈۋىدە كۆرگەنلىكىمنى ئېيتقانلىقىم ئۈچۈن ئىشىنىۋاتامسەن؟ بۇنىڭدىنمۇ چوڭ ئىشلارنى كۆرىسەن تېخى! ئاندىن، شاگىرتلىرىغا يەنە: - بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر ئاسماننىڭ ئېچىلىپ، خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئىنسانئوغلىنىڭ يېنىغا چۈشۈپ-چىقىپ يۈرىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر! - دېدى. ئىككى كۈندىن كېيىن، جەلىلىيە ئۆلكىسىنىڭ كانا يېزىسىدا بىر توي بولدى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئانىسى مەريەم ئۇ يەردە ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرىمۇ تويغا تەكلىپ قىلىنغانىدى. تويدا شاراب تۈگەپ قالغاندا، مەريەم ھەزرىتى ئەيساغا: - ئۇلارنىڭ شارابلىرى تۈگەپ قاپتۇ، - دېدى. - ئانا، مېنى ئارىلاشتۇرمىسىڭىز. مېنىڭ ۋاقتىم تېخى كەلمىدى، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. ئانىسى چاكارلارغا: - ئۇ سىلەرگە نېمە قىل دېسە، شۇنى قىلىڭلار، - دېدى. ئۇ ئۆيدە يەھۇدىيلارنىڭ تازىلىنىش دىنىي قائىدىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، ھەربىرىگە سەككىز-توققۇز چېلەكتىن سۇ سىغىدىغان ئالتە تاش كۈپ قويۇلغانىدى. ھەزرىتى ئەيسا چاكارلارغا: - كۈپلەرگە سۇ تولدۇرۇڭلار، - دېدى. ئۇلار كۈپلەرنى ئاغزىغىچە تولدۇرۇشتى. ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە: - ئەمدى بۇنىڭدىن بىر چىنە ئېلىپ، زىياپەت باشقۇرغۇچىغا بېرىڭلار، - دېدى. ئۇلار بەجا كەلتۈرۈشتى. زىياپەت باشقۇرغۇچى سۇدىن ئۆزگەرگەن شارابنى تېتىپ كۆرۈپ، ئۇنىڭ قەيەردىن كەلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلمىدى، ئەمما بۇنى سۇ توشۇغانلار بىلىشەتتى. شۇنىڭ بىلەن، زىياپەت باشقۇرغۇچى كۈيئوغۇلنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا: - بۇ شاراب بەك ياخشى ئىكەن! باشقا ساھىبخانىلار ياخشى شارابنى توينىڭ بېشىدا قۇيىدۇ. مېھمانلار خېلى قانغۇچە ئىچكەندىن كېيىن، ناچىرىنى قۇيىدۇ. ئەجەب، سەن ئەڭ ياخشى شارابنى مۇشۇ چاغقىچە ساقلاپسەن! - دېدى. بۇ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ دەسلەپكى مۆجىزىسى بولۇپ، جەلىلىيىنىڭ كانا يېزىسىدا كۆرسىتىلگەنىدى. بۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئايان قىلدى. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئۇنى خۇدانىڭ ئەۋەتكەنلىكىگە ئىشەندى. بۇ ئىشتىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ئانىسى، ئىنىلىرى ۋە شاگىرتلىرى بىلەن كەپەرناھۇم شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردە بىرنەچچە كۈن تۇردى. يەھۇدىيلارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاز قالغاندا، ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمغا باردى. ئۇ، مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا قۇربانلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان كالا، قوي ۋە كەپتەر ساتقۇچىلارنى ھەم ئۇ يەردە ئولتۇرۇپ پۇل تېگىشىدىغان كىشىلەرنى كۆرۈپ قالدى ۋە تانىدىن قامچا ياساپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوي-كالىلىرى بىلەن قوشۇپ ئىبادەتخانىدىن ھەيدەپ چىقاردى. پۇل تېگىشىدىغانلارنىڭ شىرەلىرىنى ئۆرۈپ، پۇللىرىنى چېچىۋەتتى ۋە كەپتەر ساتقۇچىلارغا: - نەرسىلىرىڭنى بۇ پاك يەردىن كۆتۈرۈش، خۇدائاتامنىڭ ئۆيىنى بازارغا ئايلاندۇرۇشما! - دېدى. بۇنى كۆرگەن شاگىرتلىرى زەبۇردا يېزىلغان بۇ سۆزنى ئېسىگە ئېلىشتى: «ئى خۇدا! سېنىڭ ئۆيۈڭ ئۈچۈن كۆرسەتكەن قىزغىن مۇھەببىتىم خۇددى كۆيۈۋاتقان ئوتنىڭ ئۆزىدۇر.» يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ھەزرىتى ئەيساغا: - بۇنداق قىلىشقا نېمە ھوقۇقۇڭ بار؟ سېنى خۇدا ئەۋەتكەن بولسا، بۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بىزگە بىر كارامەت كۆرسىتىپ باقمامسەن، قېنى؟! - دەپ سوئال قويدى. ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: - سىلەرگە كۆرسىتىدىغان كارامىتىم شۇكى، بۇ ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلساڭلار، ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۇنى يېڭىۋاشتىن ياساپ چىقىمەن. يەھۇدىيلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ جاۋابىنى چۈشەنمەي: - بۇ ئىبادەتخانىنىڭ ياسىلىشى ئۈچۈن ھازىرغىچە قىرىق ئالتە يىل كەتكەن تۇرسا، سەن ئۇنى قانداقسىگە ئۈچ كۈندىلا ياساپ چىقالايسەن؟ - دەپ ئۇنى مەسخىرە قىلىشتى. ھالبۇكى، ھەزرىتى ئەيسا ئېيتقان «ئىبادەتخانا» ئۇنىڭ ئۆز تېنى ئىدى. شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسا ئۆلۈپ ئۈچىنچى كۈنى تىرىلگەندىن كېيىن، شاگىرتلىرى ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئېسىگە ئالدى ۋە مۇقەددەس يازمىلاردا قۇتقۇزغۇچىنىڭ تىرىلىشى ھەققىدە يېزىلغان سۆزلەر ھەمدە ھەزرىتى ئەيسا ئېيتقان سۆزلەرنىڭ تېگىگە يېتىپ، ئېتىقادى تېخىمۇ كۈچەيدى. ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى جەريانىدا ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېرۇسالېمدا كۆرسەتكەن كارامەت ۋە مۆجىزىلىرىنى كۆرگەن نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىشتى. لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى بىلگەچكە، ئۇلارغا ئىشەنمەيتتى. ئىنسان تەبىئىتى ھەققىدە ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭغا بىر نەرسە دەپ بېرىشىنىڭمۇ ھاجىتى يوق ئىدى. چۈنكى، ئۇ ئۆزى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە نېمە بار ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. ھەزرىتى ئەيسا: - بىلىپ قويۇڭكى، ھېچكىم قايتىدىن تۆرەلمىگۈچە، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى كۆرەلمەيدۇ! - دېدى. نىكودىم: - ياشىنىپ قالغان ئادەم قانداقمۇ قايتىدىن تۆرەلسۇن؟ ئانىسىنىڭ قورسىقىغا كىرىپ قايتا تۆرىلىشى مۇمكىنمۇ؟! - دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: - بىلىپ قويۇڭكى، ھەم سۇدىن، ھەم خۇدانىڭ روھىدىن تۆرەلمىگۈچە، ھېچكىم خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرەلمەيدۇ! ئاتا-ئانىسىدىن تۆرەلگەنلەر جىسمانىي ھاياتلىققىلا ئىگە بولىدۇ. بىراق، خۇدانىڭ روھىدىن تۆرەلگەنلەر روھىي ھاياتلىققىمۇ ئىگە بولىدۇ. سىزگە: «قايتىدىن تۆرىلىشىڭلار كېرەك» دېسەم، ھەيران بولماڭ. شامال خالىغان يېرىدە چىقىدۇ، سىز ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايسىز، لېكىن قەيەردىن كېلىپ، قەيەرگە كېتىدىغانلىقىنى بىلەلمەيسىز. شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇدانىڭ روھىنىڭ كىشىلەرگە قانداق قىلىپ ھاياتلىق ئاتا قىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلەلمەيسىز. نىكودىم ھەزرىتى ئەيسادىن: - بۇ ئىش قانداقمۇ مۇمكىن بولار؟ - دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: - سىز ئىسرائىللارنىڭ مۇھىم ئۇستازى تۇرۇقلۇق، بۇنىمۇ چۈشەنمەمسىز؟ بىلىپ قويۇڭكى، بىز بىلىدىغىنىمىزنى ۋە كۆرگىنىمىزنى ئېيتساقمۇ، سىلەر يەنىلا بىزنىڭ گۇۋاھلىقىمىزنى قوبۇل قىلمايۋاتىسىلەر. سىلەرگە بۇ دۇنيا توغرىسىدىكى ئىشلارنى ئېيتسام ئىشەنمىگەن يەردە، ئەرش توغرىسىدىكى ئىشلارنى ئېيتسام قانداقمۇ ئىشىنىسىلەر؟ ھېچكىم ئەرشتىكى ئىشلارنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. چۈنكى، ھېچكىم ئەرشتىن چۈشكەن ئەمەس. لېكىن، ئىنسانئوغلى بۇلارنى بىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئەرشتىن چۈشكەن. تۇچتىن ياسالغان يىلان مۇسا پەيغەمبەر تەرىپىدىن چۆلدە ئۆلۈۋاتقانلارنىڭ قۇتۇلدۇرۇلۇشى ئۈچۈن لىمدا ئېگىز كۆتۈرۈلگىنىدەك، ئىنسانئوغلى بولغان مەنمۇ شۇنداق ئېگىز كۆتۈرۈلۈشۈم كېرەك. شۇنداق بولغاندا، ماڭا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەممىسى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشەلەيدۇ. چۈنكى خۇدا دۇنيادىكى ئىنسانلارنى شۇ قەدەر سۆيىدۇكى، ئۆزىنىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان ھەربىر كىشى ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشى ئۈچۈن، ئۇنى قۇربان بولۇشقا ئەۋەتىپ بەردى. خۇدا ئوغلىنى دۇنيادىكى ئىنسانلارنى سوراققا تارتىشقا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتتى. ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلار سوراققا تارتىلمايدۇ. ئېتىقاد قىلمىغانلار بولسا ئاللىبۇرۇن سوراققا تارتىلغان بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلار خۇدانىڭ يەككە-يېگانە ئوغلىغا ئېتىقاد قىلمىغانىدى. ئۇلار دائىم يامانلىق قىلغاچقا، «ھەقىقىي نۇر» دۇنياغا كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلار بۇ نۇرنى ئەمەس، زۇلمەتنى ياخشى كۆردى. شۇڭا، ئۇلار جازاغا تارتىلىدۇ. كىمدەكىم يامانلىق قىلسا، نۇرغا ئۆچ بولىدۇ ۋە قىلغان-ئەتكەنلىرىم ئاشكارا بولۇپ قالمىسۇن دەپ، نۇردىن قاچىدۇ. لېكىن، كىمدەكىم ھەقىقەت بويىچە ئىش قىلسا، ئىشلىرىمنى خۇداغا تايىنىپ قىلغانلىقىم مەلۇم بولسۇن دەپ، نۇرغا يېقىن كېلىدۇ. بۇ ئىشتىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن يەھۇدىيە ئۆلكىسىگە باردى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلار بىلەن بىللە ئۇ يەردە بىر مەزگىل تۇرۇپ، كىشىلەرنى چۆمۈلدۈردى. شۇ چاغدا، سالىم يېزىسىنىڭ يېنىدىكى ئاينون دېگەن يەردە يەھيا پەيغەمبەرمۇ كىشىلەرنى چۆمۈلدۈرۈۋاتاتتى. چۈنكى، ئۇ يەرنىڭ سۈيى مول ئىدى. كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىشاتتى. بۇ، يەھيا پەيغەمبەر تېخى زىندانغا چۈشمىگەن ۋاقىت ئىدى. يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى بىر يەھۇدىي بىلەن تازىلىنىش دىنىي قائىدىسى توغرىسىدا تالىشىپ قالدى. شاگىرتلار يەھيا پەيغەمبەرنىڭ يېنىغا كېلىپ: - ئۇستاز، ئۆتكەندە ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدا سىز بىلەن بىرگە بولغان، ئۆزىڭىز «بۇ ئادەم مەندىن ئۇلۇغ» دەپ گۇۋاھلىق بەرگەن كىشى ھازىر باشقىلارنى چۆمۈلدۈرۈۋاتىدۇ. ئەمدى ھەممىسى بىزدىن قېچىپ، ئۇنىڭ يېنىغا كېتىۋاتىدۇ، - دېدى. يەھيا پەيغەمبەر مۇنداق جاۋاب بەردى: - خۇدا بەرمىسە، ئىنسان ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيدۇ. مەن سىلەرگە: «مەن قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئەمەس، پەقەت ئۇنىڭ ئالدىدا كەلگەن يول ھازىرلىغۇچى» دېگەن. بۇنىڭغا سىلەر ئۆزۈڭلارمۇ گۇۋاھلىق بېرەلەيسىلەر. قىز چوقۇم ئۆزى بىلەن توي قىلىدىغان يىگىتكە مەنسۇپ بولىدۇ. قولداش بولسا يىگىتنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ، ئۇنىڭ كېلىشىنى كۈتىدۇ ھەم ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ خۇرسەن بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، مەنمۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ كېلىشىدىن خۇشاللىنىپ، قىن-قىنىمغا پاتماي قالدىم. ئەمدى ئۇنىڭ شۆھرىتى ئۆسۈشى، مېنىڭ بولسا تۆۋەنلىشى كېرەك. ئۇ ئەرشتىن كەلگۈچى بولۇپ، ھەممىدىن ئۈستۈندۇر. مەن بولسام بۇ دۇنيادىن كەلگۈچى، شۇڭا قىلىدىغان سۆزلىرىممۇ بۇ دۇنيادىكى ئىشلار بىلەنلا چەكلىنىدۇ. ئەرشتىن كەلگۈچى ھەممىدىن ئۈستۈن بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەرشتە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. بىراق، ئۇنىڭ گۇۋاھلىقىغا ئىشىنىدىغانلار ناھايىتى ئاز بولىدۇ. ھالبۇكى، ئۇنىڭ گۇۋاھلىقىغا ئىشىنىدىغانلار خۇدانىڭ ھەق ئىكەنلىكىگىمۇ گۇۋاھلىق بېرىدۇ. خۇدا ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچى خۇدانىڭ سۆزىنى سۆزلەيدۇ، چۈنكى خۇدا ئۆز روھىنى ئۇنىڭغا ئايىماستىن بېرىپ كەلمەكتە. ئەرشتىكى ئاتىمىز ئوغلىنى سۆيىدۇ ۋە ھەممە ئىشلارنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرغان. خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان كىشى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ. لېكىن، ئۇنى رەت قىلغان كىشى مەڭگۈلۈك ھاياتتىن مەھرۇم قالىدۇ-دە، خۇدانىڭ غەزىپى مانا شۇنداقلاردىن مەڭگۈ نېرى بولمايدۇ. ھەزرىتى ئەيسا يەھيا پەيغەمبەردىنمۇ كۆپ شاگىرت قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى چۆمۈلدۈرۈۋېتىپتۇ دېگەن خەۋەر پەرىسىيلەرگە يەتتى. (ئەمەلىيەتتە ھەزرىتى ئەيسا ئۆزى ئەمەس، شاگىرتلىرى چۆمۈلدۈرەتتى.) ئۇلارنىڭ خەۋەر تاپقىنىنى ئۇققان ھەزرىتى ئەيسا يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن چىقىپ يەنە جەلىلىيىگە كەتتى. يول ئۈستىدە سامارىيە ئۆلكىسىدىن ئۆتۈشكە توغرا كەلدى. بۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا سامارىيىنىڭ سىھار دېگەن يېزىسىغا كەلدى. سىھار بۇرۇنقى زاماندا ياقۇپ ئۆز ئوغلى يۈسۈپكە مىراس قىلغان يەرگە يېقىن بولۇپ، «ياقۇپ قۇدۇقى» دېگەن قۇدۇقمۇ شۇ يەردە ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا سەپەردە چارچىغانلىقى ئۈچۈن قۇدۇقنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى. بۇ چۈش ۋاقتى بولۇپ، يەھۇدىيلارنىڭ سامارىيىلىكلەرنى كاپىر دەپ، ھەتتا ئۇلارنىڭ چىنە-قاچىلىرىنىمۇ ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى بىلىدىغان ئايال: - ئۆزىڭىز يەھۇدىي تۇرۇپ، مەندەك سامارىيىلىك ئايالدىن قانداقلارچە سۇ تەلەپ قىلىپ قالدىڭىز؟ - دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئەگەر سىز خۇدانىڭ سوۋغىتىنىڭ نېمىلىكى ۋە سىزدىن ئۇسسۇلۇق سورىغان كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلسىڭىزىدى، ئۇنداقتا سىز ئۇنىڭدىن شۇنى تىلەيتتىڭىز-دە، ئۇمۇ سىزگە ھاياتلىق سۈيىنى بېرەتتى. ئايال: - تەقسىر، قۇدۇق چوڭقۇر، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇ تارتىدىغان ئەسۋابلار يوق تۇرسا، ھاياتلىق سۈيىنى نەدىن تاپالايسىز؟ بۇ قۇدۇقنى ئەجدادىمىز ياقۇپ كولىغان. ئۇنىڭدىن ئۆزى، ئوغۇللىرى ۋە مال-ۋارانلىرىمۇ سۇ ئىچكەن. ئەجەبا، سىز بۇ سۇدىنمۇ ياخشى سۇ بېرىمەن دەپ، ئۆزىڭىزنى ئەجدادىمىز ياقۇپتىن ئۇلۇغ دېمەكچىمۇ؟! - دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: - بۇ سۇنى ئىچكەنلەر يەنە ئۇسسايدۇ. ئەمما، مەن بېرىدىغان سۇنى ئىچكەنلەر مەڭگۈ ئۇسسىمايدىغان بولىدۇ. مەن بېرىدىغان سۇ، ئىچكەن كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئېتىلىپ چىقىدىغان بىر بۇلاققا ئايلىنىپ، ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ھاياتلىق بېرىدۇ. - تەقسىر، ماڭا بۇ سۇدىن بەرگەيسىز. شۇ سۇ بىلەن تەشنالىقىمنى قاندۇرۇپ، قۇدۇققا ئىككىنچى كەلمەيدىغان بولاي، - دېدى ئايال. ھەزرىتى ئەيسا: - بېرىپ ئېرىڭىزنى باشلاپ كېلىڭ، - دېدى. - ئېرىم يوق، - دەپ جاۋاب بەردى ئايال. - ئېرىم يوق دەپ، راستىنى ئېيتتىڭىز. بەش ئەرگە تەگكەنىدىڭىز، ھازىر سىز بىلەن بىللە ياشاۋاتقان ئادەم ئېرىڭىز بولمايدۇ. بۇنى توغرا ئېيتتىڭىز! - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. - تەقسىر، ئەمدى چۈشەندىم، سىز ئەسلىدە پەيغەمبەر ئىكەنسىز! شۇڭا ئېيتىپ بەرسىڭىز، ئەجدادلىرىمىز بۇ تاغدا ئىبادەت قىلىپ كەلگەن، لېكىن سىلەر يەھۇدىيلار نېمە ئۈچۈن «ئىبادەتنى يېرۇسالېمدا قىلىش كېرەك!» دەپ چىڭ تۇرىسىلەر، - دېدى ئايال. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: - خانىم، سۆزلىرىمگە ئىشىنىڭ، شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، خۇداغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن، كىشىلەرنىڭ بۇ تاغقا ياكى يېرۇسالېمغا بېرىشىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. سىلەر سامارىيىلىكلەر خۇداغا ئىبادەت قىلغان بىلەن ئۇنى بىلمەيسىلەر. بىراق، بىز يەھۇدىيلار كىمگە ئىبادەت قىلغىنىمىزنى بىلىمىز. چۈنكى، قۇتقۇزۇلۇش يەھۇدىيلار ئارقىلىق دۇنياغا كېلىدۇ. لېكىن شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇ، شۇنداقلا كېلىپ قالدىكى، كىشىلەر روھى بىلەن ۋە خۇدا ئاشكارىلىغان ھەقىقەت بويىچە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدۇ. ئەرشتىكى ئاتىمىز ئۆزىگە ئەنە شۇنداق ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلارنى ئىزدىمەكتە. خۇدا - روھتۇر. ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغۇچىلار روھى بىلەن ۋە خۇدا ئاشكارىلىغان ھەقىقەت بويىچە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشى كېرەك. ئايال ھەزرىتى ئەيساغا: - مەسىھنىڭ، يەنى قۇتقۇزغۇچىنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلىمەن. ئۇ كەلگەندە، بىزگە ھەقىقەتنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، - دېدى. - سىز بىلەن سۆزلىشىۋاتقان مەن، ئۇ بولىمەن! - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. دەل شۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى قايتىپ كەلدى. ئۇلار ئۇنىڭ بىر سامارىيىلىك ئايال بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقىغا ھاڭ-تاڭ قېلىشتى، لېكىن، ھېچقايسىسى ھەزرىتى ئەيسادىن: «سىز ئۇنىڭدىن نېمە سورىماقچىسىز؟» ياكى «سىز نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىسىز؟» دەپمۇ سورىمىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئايال كوزىسىنى تاشلاپ، شەھەرگە قايتىپ بېرىپ، كىشىلەرگە: - يۈرۈڭلار، ھاياتىمدا قىلغان ئىشلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ماڭا ئېيتىپ بەرگەن ئادەمنى كۆرۈپ كېلىڭلار. ئەجەبا، قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ شۇمىدۇ؟ - دېدى. بۇنىڭ بىلەن، كىشىلەر شەھەردىن چىقىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىشكە باشلىدى. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە شاگىرتلىرى ھەزرىتى ئەيساغا: - ئۇستاز، ئازراق بىر نەرسە يەۋالسىڭىزچۇ؟ - دەپ ئۆتۈنۈشتى. لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا: - مېنىڭ سىلەر بىلمەيدىغان بىر يېمەكلىكىم بار، - دېدى. شاگىرتلار بىر-بىرىگە: - ئەجەبا، بىرى ئۇستازغا يېمەكلىك ئەكېلىپ بەرگەنمىدۇ؟ - دېيىشتى. - مېنىڭ يېمەكلىكىم - مېنى ئەۋەتكەن خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ماڭا تاپشۇرغان ئىشىنى تاماملاشتۇر، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. ھەزرىتى ئەيسا شەھەردىن كېلىۋاتقانلارنى كۆزدە تۇتۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى: - سىلەر: «ھوسۇل يېغىشقا يەنە تۆت ئاي بار» دەيسىلەر. ئەمما سىلەرگە ئېيتىمەنكى، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ ئېتىزلارغا قاراڭلار، زىرائەتلەر سارغىيىپ ئورۇشقا تەييار بولغاندەك، بۇ كىشىلەرمۇ ئېتىقاد قىلىشقا تەييار بولدى! خۇددى ھوسۇل يىغقۇچى ھەققىنى ئېلىۋاتقاندەك، بۇ كىشىلەرنى ماڭا ئېتىقاد قىلىشقا يېتەكلەۋاتقانلارمۇ خۇدادىن تېگىشلىك ئىنئام ئېلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ يىغقان ھوسۇلى بولسا مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن كىشىلەردۇر. شۇنداق قىلىپ، «تېرىقچى» ۋە «ئورمىچى» تەڭ خۇشاللىنىدۇ. «بىرى تېرىيدۇ، يەنە بىرى يىغىدۇ» دېگەن تەمسىل توغرىدۇر. مەن سىلەرنى ئۆزۈڭلار ئەمەس، باشقىلار ئەمگەك سىڭدۈرگەن بىر «ھوسۇل»~نى يىغىشقا ئەۋەتتىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر تەييار بولغان بۇ «ھوسۇل»~نى يىغقۇچىسىلەر. سىھار يېزىسىدىكى نۇرغۇن سامارىيىلىكلەر ھېلىقى ئايالنىڭ: «ھاياتىمدا قىلغان ئىشلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ماڭا ئېيتىپ بەردى!» دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. شۇڭا، ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىللە تۇرۇشىنى تەلەپ قىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردە ئىككى كۈن تۇردى. ئۇنىڭ تەلىمى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئادەم ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى. ئۇلار ئايالغا: - بىزنىڭ ئېتىقاد قىلىشىمىز ئەمدى پەقەت سىزنىڭ سۆزلىرىڭىز سەۋەبىدىنلا ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ ئاڭلىغانلىقىدىنمۇ بولدى. ئۇنىڭ ھەقىقەتەن دۇنيانىڭ قۇتقۇزغۇچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۇق! - دېيىشتى. ئىككى كۈندىن كېيىن ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىگە قاراپ يول ئالدى. ئۇ ئۆزى بۇرۇن: «ھېچقانداق پەيغەمبەر ئۆز يۇرتىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولمايدۇ» دېگەن. جەلىلىيىگە كەلگىنىدە، جەلىلىيىلىكلەر ئۇنى قارشى ئېلىشتى، چۈنكى ئۇلارمۇ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى يېرۇسالېمدا ئۆتكۈزگەن ۋە ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۇ يەردە ياراتقان مۆجىزە ھەم كارامەتلىرىنى كۆرگەنىدى. ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىدە تۇرغان ۋاقتىدا، كانا يېزىسىغا يەنە باردى. (ئۇ دەل شۇ يېزىدىكى بىر تويدا سۇنى شارابقا ئايلاندۇرغانىدى.) شۇ كۈنلەردە، كەپەرناھۇم شەھىرىدە ئوغلى كېسەل بولۇپ ياتقان بىر ئوردا ئەمەلدارى بار ئىدى. ئۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ يەھۇدىيىدىن جەلىلىيىگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا باردى ۋە: - ئۆيۈمگە بېرىپ، سەكراتتا ياتقان ئوغلۇمنى ساقايتىپ بەرسىڭىز! - دەپ ئۆتۈندى. شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - سىلەر جەلىلىيىلىكلەر مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرمىگۈچە، ماڭا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئوخشايسىلەر! - دېدى. ئوردا ئەمەلدارى ھەزرىتى ئەيساغا: - ھەزرەتلىرى، بالام ئۆلمەستە بارغايسىز! - دېدى. - ئۆيىڭىزگە قايتىڭ، ئوغلىڭىز ھايات قالىدۇ! - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. ھېلىقى ئادەم ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئېيتقان سۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆيىگە قاراپ ماڭدى. يولدا چاكارلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئوغلىنىڭ ھايات ھەم سالامەت ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. ئەمەلدار ئۇلاردىن ئوغلىنىڭ قاچاندىن باشلاپ ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەنلىكىنى سورىغىنىدا، ئۇلار: - تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت بىردە قىزىتمىسى ياندى، - دېيىشتى. بالىنىڭ ئاتىسى بۇنىڭ دەل ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىگە: «ئوغلىڭىز ھايات قالىدۇ!» دېگەن ۋاقىت ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ۋە پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشتى. بۇ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ يەھۇدىيىدىن جەلىلىيىگە كېلىپ كۆرسەتكەن ئىككىنچى مۆجىزىسى ئىدى. بۇنىڭدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، يەھۇدىيلارنىڭ بىر ھېيتى يېتىپ كەلدى. شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمغا باردى. يېرۇسالېمدىكى «قوي دەرۋازىسى»~نىڭ يېنىدا ئىبرانىي تىلىدا «بەيتەستا» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كۆلچەك بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا بەش پېشايۋان بار ئىدى. بۇ پېشايۋانلار ئاستىدا بىر توپ قارىغۇ، توكۇر ۋە پالەچلەر يېتىشاتتى. }ئۇلار يېتىپ كۆلچەكنىڭ سۈيىنىڭ چايقىلىشىنى كۈتەتتى. چۈنكى، خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى تۇرۇپ-تۇرۇپ كۆلچەككە چۈشۈپ سۇنى چايقايدىكەن، سۇنىڭ چايقىلىشىدىن كېيىن كۆلچەككە بىرىنچى بولۇپ كىرگەن كىشى ھەرقانداق كېسەلدىن خالاس بولىدىكەن.{ ئۇ يەردە ئوتتۇز سەككىز يىل كېسەل تارتقان بىر بىمار بار ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا بۇ توكۇر ئادەمنى كۆردى ۋە ئۇنىڭ ئۇزۇندىن بېرى شۇ ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭدىن: - ساقىيىپ كېتىشنى خالامسەن؟ - دەپ سورىدى. بىمار مۇنداق جاۋاب بەردى: - ھەزرەتلىرى، سۇ چايقالغاندا مېنى سۇغا چۈشۈرىدىغان ئادىمىم يوق. مەن چۈشەي دېگۈچە، باشقىلار مېنىڭ ئالدىمدا چۈشۈۋالىدۇ. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ئورنۇڭدىن تۇر، ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭ! - دېدى. ھېلىقى ئادەم شۇئان ساقىيىپ، ئورۇن-كۆرپىسىنى يىغىشتۇرۇپ مېڭىشقا باشلىدى. بۇ، يەھۇدىيلارنىڭ دەم ئېلىش كۈنى ئىدى. شۇڭا، بەزى يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ساقايغان ئادەمگە: - بۈگۈن دەم ئېلىش كۈنى تۇرسا، تەۋرات قانۇنىمىزدا دەم ئېلىش كۈنى ئىش قىلىش مەنئى قىلىنغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنە ئورۇن-كۆرپەڭنى كۆتۈرۈپ يۈرىسەنغۇ! - دېدى. لېكىن، بىمار ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: - مېنى ساقايتقان كىشى ماڭا: «ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭ» دېگەن تۇرسا! - ساڭا: «ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭ» دېگەن زادى كىم ئىكەن ئۇ؟ - دەپ سوراشتى ئۇلار. بىراق، ساقايغان ئادەم ھەزرىتى ئەيسانىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. ئۇ يەردە ئادەم كۆپ بولغانلىقتىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ، ئاستىغىنا كېتىپ قالدى. بۇ ئىشتىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى ئادەمنى مەركىزىي ئىبادەتخانىدا كۆرۈپ: - كېسىلىڭدىن ساقايدىڭ. ئەمدى گۇناھ سادىر قىلما، بېشىڭغا تېخىمۇ چوڭ بالا-قازا كېلىپ قالمىسۇن! - دېدى. ھېلىقى ئادەم يەھۇدىي ئاقساقاللىرىنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۆزىنى ساقايتقان ھەزرىتى ئەيسا ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. ھەزرىتى ئەيسا بۇ ئىشلارنى دەم ئېلىش كۈنى قىلغانلىقى ئۈچۈن، يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىشقا باشلىدى. لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - خۇدائاتام تا ھازىرغىچە توختىماستىن ئىش قىلىپ كەلمەكتە، مەنمۇ شۇنداق قىلىشىم كېرەك! - دېدى. شۇنداق قىلىپ، يەھۇدىي ئاقساقاللىرىنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرۈش نىيىتى تېخىمۇ كۈچەيدى. چۈنكى، ئۇ دەم ئېلىش كۈنىنىڭ قائىدىسىنى بۇزۇپلا قالماستىن، خۇدانىڭ ئۆز ئاتىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىش بىلەن، ئۆزىنى خۇداغا تەڭ قىلغانىدى. ھەزرىتى ئەيسا بۇ شىكايەتلەرگە جاۋابەن يەھۇدىي ئاقساقاللىرىغا مۇنداق دېدى: - بىلىپ قويۇڭلاركى، ئوغلى ئۆزلۈكىدىن ھېچنېمە قىلالمايدۇ. پەقەت ئەرشتىكى ئاتىسىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئاندىن شۇ ئىشنى قىلالايدۇ. ئاتىسى نېمە قىلسا، ئۇمۇ شۇنى قىلىدۇ. چۈنكى، ئاتىسى ئۇنى سۆيىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ قىلىدىغان بارلىق ئىشلىرىنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىدۇ ھەم ئوغلى ئارقىلىق سىلەرنى ھەيران قالدۇرغۇدەك، تېخىمۇ زور ۋە ئۇلۇغ ئىشلارنى ئايان قىلىدۇ. ئۆلگەنلەرنى ئاتىسى قانداق تىرىلدۈرۈپ، ئۇلارغا ھاياتلىق ئاتا قىلغان بولسا، ئوغلىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزى خالىغان كىشىلەرگە مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىدۇ. شۇنداقلا، ئاتىسى ھېچكىمنى سوراققا تارتمايدۇ، بەلكى ئوغلى تارتىدۇ. چۈنكى، سوراققا تارتىشنىڭ پۈتۈن ھوقۇقىنى ئوغلىغا بەرگەندۇر. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى ھۆرمەتلىگىنىدەك، ئوغلىنىمۇ ھۆرمەتلىشى ئۈچۈندۇر. ئوغلىنى ھۆرمەتلىمىگەنلەر ئۇنى ئەۋەتكۈچى ئاتىسىنىمۇ ھۆرمەتلىمىگەنلەردىن بولىدۇ. بىلىپ قويۇڭلاركى، سۆزۈمنى ئاڭلاپ، مېنى ئەۋەتكۈچىگە ئىشەنگەنلەر مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ. بۇنداق ئادەم سوراققا تارتىلمايدۇ، شۇنداقلا ئۆلۈمدىن ھاياتلىققا ئۆتكەن بولىدۇ. بىلىپ قويۇڭلاركى، روھى ئۆلۈكلەرنىڭ خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلمەكتە، شۇنداقلا كېلىپ قالدىكى، ئاڭلاپ ئىشەنگەنلەر ھاياتلىققا ئىگە بولىدۇ. چۈنكى، ئاتىسى ئۆزى قانداق ھاياتلىق مەنبەسى بولسا، ئوغلىنىمۇ شۇنداق ھاياتلىق مەنبەسى قىلدى. يەنە ئۇنىڭغا سوراق قىلىش ھوقۇقىنىمۇ بەردى، چۈنكى ئۇ ئىنسانئوغلىدۇر. بۇنىڭغا ھەيران بولماڭلار. ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلايدىغان ۋاقىت كېلىدۇ ۋە ئۇلار يەرلىكلىرىدىن چىقىشىدۇ. ياخشىلىق قىلغانلار تىرىلىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ، يامانلىق قىلغانلار تىرىلىپ سوراققا تارتىلىدۇ. مەن ئۆزلۈكۈمدىن ھېچنېمە قىلالمايمەن، پەقەت ئاتامنىڭ ئېيتقىنى بويىچە سوراق قىلىمەن. مېنىڭ ھۆكۈمۈم ئادىلدۇر. چۈنكى، مېنىڭ نىيىتىم مېنىڭ ئىرادەمنى ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتۇر. - ئەگەر ئۆزۈم ئۈچۈن ئۆزۈم گۇۋاھلىق بەرسەم، گۇۋاھلىقىم بىكار بولىدۇ. لېكىن، مەن ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىدىغان باشقا بىرى بار. ئۇنىڭ ماڭا قىلىدىغان گۇۋاھلىقىنىڭ راستلىقىنى بىلىمەن. يەھيا پەيغەمبەرگە ئادەم ئەۋەتكەن ئەمەسمىدىڭلار؟! ئۇ ھەقىقەتكە گۇۋاھلىق بەرگەن. ئەمەلىيەتتە، ماڭا بىر ئىنساننىڭ گۇۋاھلىقى كېرەك ئەمەس. سىلەرنى يەھيا پەيغەمبەرنىڭ گۇۋاھلىقىغا ئىشىنىپ، قۇتقۇزۇلسۇن دەپ، بۇلارنى ئېيتىۋاتىمەن. يەھيا پەيغەمبەر نۇر چېچىپ تۇرغان بىر چىراغقا ئوخشايدۇ. سىلەر ئۇنىڭ يورۇقلۇقىدىن ۋاقىتلىق بولسىمۇ بەھرىمەن بولۇشنى خالىدىڭلار. لېكىن، يەھيا پەيغەمبەرنىڭ مەن ئۈچۈن بەرگەن گۇۋاھلىقىدىنمۇ چوڭ بىر گۇۋاھلىق بار. ئۇ بولسىمۇ مېنىڭ ياراتقان مۆجىزىلىرىم، يەنى ئاتام مېنىڭ ئورۇندىشىم ئۈچۈن ماڭا تاپشۇرغان ئىشلاردۇر. بۇلار ئاتامنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. مېنى ئەۋەتكەن ئاتام ئۆزىمۇ مەن ئۈچۈن گۇۋاھچىدۇر. سىلەر ھېچقاچان ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمىدىڭلار، قىياپىتىنى كۆرمىدىڭلار. ئۇنىڭ سۆزلىرى سىلەرنىڭ قەلبىڭلاردىن ئورۇن ئالمىدى، چۈنكى مېنى ئۇنىڭ ئەۋەتكىنىگە ئىشەنمىدىڭلار. مۇقەددەس يازمىلارنى تەتقىق قىلىسىلەر، چۈنكى ئۇنىڭد ن مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە بولۇشنىڭ يولىنى تاپالايمىز، دەپ قارايسىلەر. ئەجەبا، بۇ يازمىلار مېنى خۇدا ئەۋەتىدىغان قۇتقۇزغۇچى دەپ تونۇشتۇرغان ئەمەسمۇ؟! شۇنداق تۇرۇقلۇق، سىلەر يەنە مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ، ھاياتلىققا ئېرىشىشنى خالىمايسىلەر. مەن ئىنسانلارنىڭ ماختىشىنى ئىزدىمەيمەن. لېكىن، مەن سىلەرنى بىلىمەن. قەلبىڭلاردا خۇداغا بولغان مۇھەببىتىڭلار يوق. مەن ئاتامنىڭ نامى بىلەن كەلسەم، سىلەر مېنى قوبۇل قىلمايسىلەر. ھالبۇكى، باشقىلار ئۆز نامى بىلەن كەلسە، ئۇنى قوبۇل قىلىسىلەر. سىلەر بىر-بىرىڭلارنىڭ ماختىشىنى قوبۇل قىلىسىلەريۇ، يېگانە خۇدانىڭ ماختىشىغا ئىگە بولۇشقا تىرىشمايسىلەر. بۇ ھالدا ماڭا قانداقمۇ ئېتىقاد قىلالايسىلەر؟! بىراق، مېنى ئۈستىمىزدىن ئاتامغا شىكايەت قىلىدۇ، دەپ ئويلىماڭلار. ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلىدىغان مەن ئەمەس، بەلكى سىلەر ئۈمىد باغلىغان مۇسا پەيغەمبەردۇر. ئەگەر سىلەر راستتىن مۇسا پەيغەمبەرگە ئىشەنگەن بولساڭلار، ماڭىمۇ ئىشەنگەن بولاتتىڭلار. چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا مۇسا پەيغەمبەر مەن توغرۇلۇق يازغان. لېكىن، ئۇنىڭ مۇقەددەس يازمىلاردا يازغان سۆزلىرىگە ئىشەنمىسەڭلار، مېنىڭ سۆزلىرىمگە قانداقمۇ ئىشىنىسىلەر؟! بىر مەزگىلدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە كۆلى (تىبېرىيە كۆلى دەپمۇ ئاتىلىدىغان كۆل)~نىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتتى. زور بىر توپ خالايىق ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى، چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ كېسەللەرنى ساقايتقان مۆجىزىلىرىنى كۆرگەنىدى. ھەزرىتى ئەيسا تاغقا چىقىپ، ئۇ يەردە شاگىرتلىرى بىلەن بىللە ئولتۇردى. بۇ، يەھۇدىيلارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاز قالغان ۋاقىت ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا بېشىنى كۆتۈرۈپ، زور بىر توپ خالايىقنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، فىلىپتىن: - شۇنچە كۆپ ئادەمنى تويدۇرغۇدەك ناننى نەدىن تاپىمىز؟ - دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزنى ئۇنى سىناش ئۈچۈن ئېيتقانىدى. ئەمەلىيەتتە، قانداق قىلىشنى ئۆزى بىلەتتى. فىلىپ جاۋابەن: - ھەممەيلەننىڭ بىر بۇردىدىن نان يېيىشى ئۈچۈن، يېرىم يىللىق كىرىممۇ يەتمەيدۇ! - دېدى. شاگىرتلاردىن يەنە بىرى، يەنى سىمۇن پېترۇسنىڭ ئىنىسى ئەندەر ھەزرىتى ئەيساغا: - بۇ يەردە بىر كىچىك بالا بولۇپ، ئۇنىڭدا بەش ئارپا نان بىلەن ئىككى بېلىق بار. لېكىن، بۇنچىۋالا ئادەم ئۈچۈن بۇ نېمىگە يەتسۇن؟! - دېدى. - كۆپچىلىكنى ئولتۇرغۇزۇڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. ئۇ يەر كەڭ كەتكەن چىمەنزارلىق ئىدى. خالايىقنىڭ ھەممىسى ئولتۇردى. ئۇ يەردىكى ئەرلەرنىڭ سانىلا بەش مىڭچە بار ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا نانلارنى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا شۈكۈر ئېيتقاندىن كېيىن، ئولتۇرغانلارغا بۆلۈپ بەردى. بېلىقلارنىمۇ شۇنداق قىلدى. كۆپچىلىك خالىغانچە يېدى. ھەممەيلەن يەپ تويغاندا، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا: - ئېشىپ قالغىنىنى يىغىڭلار، ھېچ نەرسە زايە بولمىسۇن، - دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار كۆپچىلىكنىڭ بەش ئارپا ناندىن يەپ ئېشىپ قالغىنىنى ئون ئىككى سېۋەتكە تولدۇرۇپ يىغىۋالدى. خالايىق ھەزرىتى ئەيسانىڭ كۆرسەتكەن بۇ مۆجىزىسىنى كۆرۈپ: «دۇنياغا كېلىشىنى مۇسا پەيغەمبەر ئالدىن ئېيتقان پەيغەمبەر ھەقىقەتەن مۇشۇ ئىكەن!» دېيىشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى بولۇشقا مەجبۇرلايدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۇلاردىن ئايرىلىپ، قايتىدىن تاغقا تەنھا چىقىپ كەتتى. كەچقۇرۇن، ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى كۆل بويىغا كېلىشتى. گەرچە قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ھەزرىتى ئەيسا تېخىچە ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلمىگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار بىر كېمىگە ئولتۇرۇپ، كۆلنىڭ ئۇ قېتىدىكى كەپەرناھۇم شەھىرىگە قاراپ يول ئېلىشتى. قاتتىق بوران چىقىپ، كۆلدە دولقۇن كۆتۈرۈلۈۋاتاتتى. شاگىرتلار پالاق ئۇرۇپ تۆت-بەش چاقىرىم يەرگىچە بارغاندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسانىڭ كۆل ئۈستىدە مېڭىپ كېمىگە يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قورقۇشۇپ كەتتى. لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - قورقماڭلار، بۇ مەن! - دېدى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى كېمىگە چىقىشقا ئۈندىدى. ئۇ كېمىگە چىققاندىن كېيىنلا، ئۇلار بارماقچى بولغان يېرىگە بېرىپ قالدى. ئىككىنچى كۈنى، كۆلنىڭ ئۇ قېتىدا قالغان خالايىق تۈنۈگۈنكى كۈندە ئۇ يەردە پەقەت بىرلا كېمىنىڭ بارلىقىنى، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆز شاگىرتلىرى بىلەن بىللە ئۇ كېمىگە ئولتۇرمىغانلىقىنى، شاگىرتلىرىنىڭ يالغۇز كەتكەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى. بىرنەچچە كېمە تىبېرىيە شەھىرىدىن ھەزرىتى ئەيسا دۇئا قىلىپ خالايىققا نان تارقىتىپ بەرگەن يەرگە يېقىن كېلىپ توختىدى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ۋە شاگىرتلىرىنىڭ ئۇ يەردە ئەمەسلىكىنى بىلگەن خالايىق ئۇ كېمىلەرگە ئولتۇرۇپ، كەپەرناھۇم شەھىرىگە ھەزرىتى ئەيسانى ئىزدىگىلى ماڭدى. خالايىق ئۇنى كۆلنىڭ ئۇ قېتىدا تاپقاندىن كېيىن: - ئۇستاز، بۇ يەرگە قاچان كەلدىڭىز؟ - دەپ سوراشتى. ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: - بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر مېنى مۆجىزىلىرىمنى كۆرۈپ چۈشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى نانلاردىن خالىغانچە يەپ تويغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئىزدىدىڭلار. بىراق، سىلەر بۇزۇلىدىغان ئوزۇقلۇق ئۈچۈن ئەمەس، بۇزۇلمايدىغان، مەڭگۈلۈك ھاياتلىق بېرىدىغان ئوزۇقلۇق ئۈچۈن جان تىكىپ ئىشلەڭلار! بۇنى سىلەرگە ئىنسانئوغلى~-~ئۆزۈم بېرىمەن، چۈنكى مېنىڭ بۇنداق قىلىشىمنى خۇدائاتام تەستىقلىغان. ئۇلار: - قانداق قىلغاندا خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولالايمىز؟ - دەپ سوراشتى. - خۇدانىڭ خىزمىتى - خۇدانىڭ ئەۋەتكىنىگە ئېتىقاد قىلىشتۇر، - دەپ جاۋاب بەردى ھەزرىتى ئەيسا. ئۇلار يەنە: - سىز قانداق مۆجىزە يارىتىش بىلەن بىزنى ئۆزىڭىزگە ئىشەندۈرىسىز؟ بىزگە نېمە قىلىپ بەرمەكچىسىز؟ ئەجدادلىرىمىز چۆلدە يۈرگەندە، «ماننا» دەپ ئاتالغان نان يېگەن. بۇ ھەقتە زەبۇردا: «ئۇ ئۇلارغا ئەرشتىن چۈشۈرۈلگەن نان تەقدىم قىلدى» دېيىلگەن. سىز بىزگە نېمە تەقدىم قىلماقچىسىز؟ - دېيىشتى. بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەجدادلىرىڭلارغا ئاسماندىن چۈشكەن ناننى مۇسا پەيغەمبەر ئەمەس، بەلكى خۇدائاتام بەرگەن. مانا ھازىرمۇ سىلەرگە ئاسماندىن چۈشكەن ھەقىقىي ناننى خۇدائاتام بېرىۋاتىدۇ. بۇ نان ئەرشتىن چۈشكەندۇر ۋە پۈتۈن دۇنياغا ھاياتلىق بەرگۈچىدۇر. - تەقسىر، ھەمىشە بىزگە بۇنداق نان بېرىپ تۇرغايسىز! - دېيىشتى ئۇلار. ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - ھاياتلىق بېرىدىغان نان ئۆزۈمدۇرمەن! مېنىڭ يېنىمغا كەلگەنلەر ھەرگىز ئاچ قالمايدۇ. ماڭا ئېتىقاد قىلغانلار ھېچقاچان ئۇسسىمايدۇ. لېكىن سىلەرگە ئېيتقىنىمدەك، سىلەر مېنى كۆرگەن بولساڭلارمۇ، ماڭا ئېتىقاد قىلمايۋاتىسىلەر. خۇدائاتام ماڭا تاپشۇرغانلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ يېنىمغا كېلىدۇ. مېنىڭ يېنىمغا كەلگەنلەرنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيمەن. چۈنكى، مەن ئۆز ئىرادەمنى ئەمەس، مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەرشتىن چۈشتۈم. مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسى بولسا ئۇنىڭ ماڭا تاپشۇرغانلىرىدىن بىرىنىمۇ يوقاتماسلىقىم، شۇنداقلا قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىرىلدۈرۈپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتۈرۈشۈمدىن ئىبارەت. چۈنكى، مېنىڭ ئاتامنىڭ ئىرادىسى ئوغلىنى، يەنى مېنى تونۇغان ۋە ماڭا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتۈرۈشتۇر. مەن ئۇلارنى قىيامەت كۈنى تىرىلدۈرۈپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتۈرىمەن. ھەزرىتى ئەيسا: «ئەرشتىن چۈشكەن ˜نانŒ ئۆزۈمدۇرمەن!» دېگەنلىكى ئۈچۈن، يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا نارازى بولۇپ غودۇڭشىشقا باشلىدى. «بۇ يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەيسا ئەمەسمۇ؟ ئاتىسىنىمۇ، ئانىسىنىمۇ تونۇيدىغان تۇرساق، يەنە قانداقلارچە: ˜ئەرشتىن چۈشتۈم!Œ دېيەلىسۇن؟» دېيىشەتتى ئۇلار. - ماڭا غودۇڭشىماڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - مېنى ئەۋەتكەن خۇدائاتام ئۆزى كىشىلەرنىڭ قەلبىگە سالمىسا، ئۇلار مېنىڭ يېنىمغا كېلەلمەيدۇ. مېنىڭ يېنىمغا كەلگەن كىشىلەرنى قىيامەت كۈنى تىرىلدۈرىمەن. پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدا مۇنداق يېزىلغان: «ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە خۇدا تەرىپىدىن تەلىم بېرىلىدۇ.» شۇڭا، ئاتامنىڭ تەلىمىنى ئاڭلىغان ۋە ئۇنىڭدىن ئۆگەنگەن كىشىلەر مېنىڭ يېنىمغا كېلىدۇ. بۇ، ئاتامنى بىر كىشى كۆرگەن دېگەنلىك ئەمەس. ئاتامنى پەقەت ئۇنىڭ يېنىدىن كەلگۈچى مەنلا كۆرگەن. بىلىپ قويۇڭلاركى، ماڭا ئېتىقاد قىلغانلار مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئاللىقاچان ئېرىشكەن بولىدۇ. ھاياتلىق بېرىدىغان «نان» ئۆزۈمدۇرمەن. گەرچە ئەجدادلىرىڭلار چۆللەردە ماننا يېگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئۆلدى. لېكىن، ئەرشتىن چۈشكەن شۇنداق بىر «نان» باركى، ئۇنى يېگەنلەر ئۆلمەيدۇ. ئەرشتىن چۈشكەن، «ھاياتلىق بېرىدىغان نان» ئۆزۈمدۇرمەن. كىمدەكىم بۇ «نان»~دىن يېسە، مەڭگۈ ياشايدۇ. بۇ «نان» مېنىڭ تېنىمدۇر. مەن دۇنيادىكى ئىنسانلار ھەقىقىي ھاياتقا ئىگە بولسۇن دەپ، ئۇنى ئاتىماقچى. بۇ سۆز بىلەن ئۇلار خاپا بولۇشۇپ: - بۇ ئادەم بىزنىڭ يېيىشىمىزگە ئۆز تېنىنى قانداق بېرەلەيدۇ؟ - دېيىشىپ، تالاش-تارتىش قىلىشقا باشلىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - بىلىپ قويۇڭلاركى، ئىنسانئوغلىنىڭ تېنىنى يېمىگۈچە ۋە قېنىنى ئىچمىگۈچە، سىلەردە مەڭگۈلۈك ھاياتلىق بولمايدۇ. تېنىمنى يېگەن ۋە قېنىمنى ئىچكەن كىشى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ. مەن ئۇ كىشىنى قىيامەت كۈنى تىرىلدۈرىمەن. چۈنكى، تېنىم ھەقىقىي يېمەكلىك، قېنىم بولسا ھەقىقىي ئىچىملىكتۇر. تېنىمنى يېگەن ۋە قېنىمنى ئىچكەن كىشى مەندە ياشايدۇ. مەنمۇ ئۇنىڭدا ياشايمەن. ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى بولغان ئاتام مېنى ئەۋەتتى. مەن ئۇنىڭ بار بولغانلىقىدىن ياشايمەن. شۇنىڭغا ئوخشاش، مېنىڭ تېنىمنى يېگەن كىشىمۇ مېنىڭ بار بولغانلىقىمدىن ياشايدۇ. مانا بۇ ئەرشتىن چۈشكەن «نان»~دۇر. ئەجدادلىرىڭلار «ماننا» دەپ ئاتالغان ناننى يېگەن بولسىمۇ، ئۆلدى، بىراق بۇ ناننى يېگەنلەر بولسا مەڭگۈ ياشايدۇ! ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى كەپەرناھۇم شەھىرىدىكى ئىبادەتخانىدا تەلىم بەرگىنىدە ئېيتقانىدى. نۇرغۇن شاگىرتلار بۇنى ئاڭلىغاندا: - بۇ تەلىمنى ھەزىم قىلىش بەك تەس ئىكەن! بۇنى كىم قوبۇل قىلالىسۇن؟ - دېيىشتى. شاگىرتلىرىنىڭ غودۇڭشىغىنىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا: - سۆزلىرىم چىشىڭلارغا تېگىۋاتامدۇ؟ مۇبادا ئىنسانئوغلىنىڭ ئەسلى كەلگەن جايى - ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆرسەڭلار، نېمە دەيسىلەر؟! ئىنسانغا ھاياتلىق بەرگۈچى - خۇدانىڭ روھىدۇر. بۇ ئىش ئىنساننىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. سىلەرگە ئېيتقان سۆزلىرىم خۇدانىڭ روھىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ ھاياتلىق تەقدىم قىلىدۇ. لېكىن، ئاراڭلاردا ئېتىقاد قىلمىغانلارمۇ بار، - دېدى. (چۈنكى، ھەزرىتى ئەيسا ئېتىقاد قىلمىغانلارنى ۋە ئۆزىگە ساتقۇنلۇق قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بۇرۇندىن بىلەتتى.) - مەن سىلەرگە دېدىمغۇ! ئاتام ماڭا يېقىنلاشتۇرغانلاردىن باشقا، ھېچكىم مېنىڭ يېنىمغا كېلەلمەيدۇ! - دېدى ھەزرىتى ئەيسا يەنە قوشۇمچە قىلىپ. بۇنىڭ بىلەن، ئەگەشكۈچىلىرىدىن خېلى كۆپى چېكىنىپ چىقىپ، ئۇنىڭغا ئەگەشمەيدىغان بولدى. ھەزرىتى ئەيسا ئون ئىككى شاگىرتىدىن: - سىلەرچۇ، سىلەرمۇ مەندىن ئايرىلماقچىمۇ؟ - دەپ سورىدى. سىمۇن پېترۇس مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: - ئى رەببىم، مەڭگۈ ھاياتلىق بېرىدىغان سۆزلەر پەقەت سىزدىلا تۇرسا! بىز كىمنىڭ يېنىغا كېتەتتۇق؟ ئىشىنىمىز ۋە بىلىمىزكى، سىز خۇدا ئەۋەتكەن مۇقەددەس بولغۇچىسىز! ھەزرىتى ئەيسا جاۋابەن: - مەن سىلەر ئون ئىككىڭلارنى تاللىدىم، بىراق ئاراڭلاردا بىرى شەيتاننىڭ ئىلكىدىدۇر! - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا سىمۇننىڭ ئوغلى يەھۇدا ئىشقارىيوتنى دېمەكچى ئىدى، چۈنكى يەھۇدا ئون ئىككى شاگىرتنىڭ بىرى بولۇپ تۇرۇقلۇق، كېيىن ھەزرىتى ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلاتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىدە كېزىپ يۈردى. يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ئۇنى ئۆلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ يەھۇدىيە ئۆلكىسىدە تۇرۇشنى خالىمايتتى. بۇ چاغدا، يەھۇدىيلارنىڭ كەپە تىكىش ھېيتىغا ئاز قالغانىدى، شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىنىلىرى ئۇنىڭغا: - ھېيتتىن بۇرۇن يەھۇدىيىگە بېرىڭ، ئەگەشكۈچىلىرىڭىزمۇ كارامەتلىرىڭىزنى كۆرسۇن! چۈنكى، ئۆزىنى تونۇتماقچى بولغان كىشى يوشۇرۇن ئىش قىلمايدۇ. بۇ ئىشلارنى قىلىۋاتقانىكەنسىز، ئۆزىڭىزنى ئىنسانلارغا كۆرسىتىڭ! - دېيىشتى. (سەۋەبى، ئىنىلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلمىغانىدى.) ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - مېنىڭ ۋاقىت-سائىتىم تېخى كەلمىدى. لېكىن، سىلەرگە قاچانلا بولسا پۇرسەت بار. بۇ دۇنيادىكى كىشىلەر سىلەرنى ھەرگىز ئۆچ كۆرمەيدۇ، لېكىن مېنى ئۆچ كۆرىدۇ. چۈنكى، مەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى رەزىل دەپ، گۇۋاھلىق بېرىۋاتىمەن. سىلەر ھېيتقا بېرىۋېرىڭلار. مەن ھازىرچە بارمايمەن، چۈنكى مېنىڭ ۋاقىت-سائىتىم تېخى يېتىپ كەلمىدى، - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ، جەلىلىيىدە قالدى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىنىلىرى يېرۇسالېمغا ھېيت ئۈچۈن كەتكەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىمۇ ئۇ يەرگە باردى. ئەمما ئاشكارا ئەمەس، يوشۇرۇن باردى. ھېيت-ئايەم كۈنلىرىدە يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ئۇنى ئىزدەپ، خالايىقتىن: «ئەيسانى كۆردۈڭلارمۇ؟» دەپ سوراشتى. كىشىلەر ئارىسىدا ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كۆپ گەپ-سۆزلەر ئېقىپ يۈردى. بەزىلەر ئۇنى: «ياخشى ئادەم!» دېسە، يەنە بەزىلەر: «ياق، دەل ئەكسىچە، خەلقنى ئازدۇرۇۋاتىدۇ!» دېيىشتى. بىراق، ھېچكىم ئۇنىڭ ياخشىلىقى توغرۇلۇق ئاشكارا سۆزلىمەيتتى، چۈنكى يەھۇدىي ئاقساقاللىرىدىن قورقاتتى. ھېيتنىڭ يېرىمى ئۆتكەندە، ھەزرىتى ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ خەلققە تەلىم بېرىشكە باشلىدى. يەھۇدىي ئاقساقاللىرى: - بۇ ئادەم ھېچقانداق تەلىم ئالمىغان تۇرۇقلۇق، ئۇنىڭ قانداقمۇ مۇنچە كۆپ بىلىمى بولسۇن؟ - دەپ ھاڭ-تاڭ قېلىشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - بۇ تەلىملەر مېنىڭ ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچى خۇدانىڭكىدۇر. خۇداغا چىن دىلىدىن ئىتائەت قىلىشنى خالايدىغان كىشى بۇ تەلىملەرنىڭ خۇدادىن كەلگەنلىكىنى ياكى ئۆزلۈكۈمدىن ئېيتىۋاتقانلىقىمنى بىلەلەيدۇ. ئۆز ئالدىغا سۆزلىگەن كىشى ئۆز شان-شەرىپىنى ئىزدەيدۇ، لېكىن ئۆزىنى ئەۋەتكۈچىنىڭ شان-شەرىپىنى ئىزدەيدىغان كىشى ھەق سۆزلەيدۇ. ئۇنداق كىشىدە ھەقسىزلىق يوقتۇر. مۇسا پەيغەمبەر سىلەرگە تەۋرات قانۇنىنى ئۆزى يەتكۈزگەن، شۇنداققۇ؟! لېكىن، ھېچقايسىڭلار بۇ قانۇنغا ئەمەل قىلمىدىڭلار! ئېيتىڭلارچۇ، نېمىشقا مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولىسىلەر؟ - دېدى. كۆپچىلىك: - سىزگە جىن تېگىپتۇ! سىزنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان كىم ئىكەن؟ - دېيىشتى. - مەن دەم ئېلىش كۈنىدە بىر مۆجىزە يارىتىپ قويسام، ھەممىڭلار ھاڭ-تاڭ قېلىشتىڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - بىراق، سىلەرمۇ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ بالا تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى خەتنىسىنى قىلىش كېرەك دېگەن بۇيرۇقىنى ئادا قىلىمىز دەپ، دەم ئېلىش كۈنى بولسىمۇ، بالىلارنىڭ خەتنىسىنى قىلىۋېرىسىلەر. ئەمەلىيەتتە، خەتنە قىلىش مۇسا پەيغەمبەردىن ئەمەس، ئەجدادىڭلار ئىبراھىمدىن قالغان. تەۋرات قانۇنى بۇزۇلمىسۇن دېيىلىپ تۇرۇپ، دەم ئېلىش كۈنى خەتنە قىلىنىدۇيۇ، بۇنداق كۈندە بىر ئادەمنى ساپمۇساق قىلسام، نېمە ئۈچۈن ماڭا ئاچچىقلىنىسىلەر؟ تەكشۈرمەي تۇرۇپ ھۆكۈم قىلماڭلار، ھۆكۈمۈڭلار ئادىل بولسۇن! يېرۇسالېملىقلارنىڭ بەزىلىرى: - ئاقساقاللار ئۆلتۈرمەكچى بولغان ئادەم بۇ ئەمەسمىدى؟ ئاشكارا سۆزلەۋاتسىمۇ، ئۇنىڭغا قارشى ھېچ نەرسە دېمەيۋاتقىنىنى! ئاقساقاللار ئۇنىڭ قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئىكەنلىكىگە ھەقىقەتەن كۆزلىرى يەتتىمۇ؟ ھالبۇكى، مەسىھ كەلگەندە، ئۇنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ھېچكىم بىلەلمەيدىغۇ. بىراق، بۇ ئادەمنىڭ بولسا قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ئېنىق بىلىمىز، - دېيىشتى. ئۇ چاغدا، مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا تەلىم بېرىۋاتقان ھەزرىتى ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى: - سىلەر مېنى تونۇيمىز ھەمدە مېنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىمنىمۇ بىلىمىز، دەپ قارايسىلەر، شۇنداقمۇ؟ بىراق، مەن ئۆزلۈكۈمدىن ئەمەس، مەن ۋەكىللىك قىلغۇچىنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن كەلدىم. ئۇ ھەقتۇر، بىراق سىلەر ئۇنى تونۇمايسىلەر. مەن ئۇنى تونۇيمەن. چۈنكى مەن ئۇنىڭ يېنىدىن كەلدىم، مېنى ئۇ ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن، بەزىلەر ھەزرىتى ئەيسانى تۇتماقچى بولۇشتى، لېكىن ئۇنىڭغا قول سالىدىغان ئادەم چىقمىدى، چۈنكى ئۇنىڭ ۋاقىت-سائىتى تېخى يېتىپ كەلمىگەنىدى. خالايىق ئارىسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرمۇ ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى. ئۇلار: «مەسىھ قانداقمۇ ئۇنىڭدىن كۆپ مۆجىزە يارىتار؟!» دېيىشتى. پەرىسىيلەر خەلق ئىچىدە ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدىكى ئېقىپ يۈرگەن گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئالىي روھانىيلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانى تۇتۇش ئۈچۈن ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىنى ئەۋەتتى. ھەزرىتى ئەيسا: - يەنە بىرئاز ۋاقىت سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن. كېيىن، مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ يېنىغا كېتىمەن. مېنى ئىزدەيسىلەر، لېكىن تاپالمايسىلەر. مەن بارىدىغان يەرگە بارالمايسىلەر، - دېدى. بۇنىڭ بىلەن، يەھۇدىي ئاقساقاللىرى بىر-بىرىگە: - ئۇ بىز تاپالمىغۇدەك قەيەرلەرگە كېتەر؟ چەت ئەلدە تۇرۇۋاتقان يەھۇدىي مۇھاجىرلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، گرېكلارغا تەلىم بېرەمدىغاندۇ؟ «مېنى ئىزدەيسىلەر، لېكىن تاپالمايسىلەر. مەن بارىدىغان يەرگە بارالمايسىلەر» دېگىنى نېمىسىدۇ؟ - دېيىشتى. ھېيتنىڭ ئاخىرقى ھەم ئەڭ تەنتەنىلىك كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق جاكارلىدى: - كىمدەكىم ئۇسسىسا، مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ ئىچسۇن! چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا ماڭا ئېتىقاد قىلغانلار ھەققىدە: «ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىن ھاياتلىق سۈيىنىڭ دەريالىرى ئېقىپ چىقىدۇ!» دەپ يېزىلغان. ئۇ بۇ سۆزنى ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغانلارغا ئاتا قىلىنىدىغان خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا قارىتا ئېيتقانىدى. خۇدانىڭ روھى تېخى ھېچكىمگە چۈشمىگەنىدى، چۈنكى ھەزرىتى ئەيسا تېخى ئاتىسىنىڭ ئەرشتىكى شان-شەرىپىگە كىرمىگەنىدى. خەلق ئىچىدە بەزى كىشىلەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ: - مۇسا پەيغەمبەر ئالدىن ئېيتقان پەيغەمبەر ھەقىقەتەن ئۇ ئىكەن! - دېيىشتى. بەزىلەر: «بۇ، قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ!» دېيىشەتتى. يەنە بەزىلەر بولسا: «ئۇنداق ئەمەستۇ! مەسىھ جەلىلىيىدىن كەلمەيتتىغۇ؟ مۇقەددەس يازمىلاردا مەسىھنىڭ پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن ھەم پادىشاھ داۋۇتنىڭ يۇرتى بەيتلەھەم يېزىسىدىن كېلىشى ھەققىدە دېيىلمىگەنمىدى؟» دېيىشتى. بۇنىڭ بىلەن، خالايىق ھەزرىتى ئەيسانىڭ ۋەجىدىن ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى. بەزىلىرى ئۇنى تۇتۇشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ھېچكىم ئۇنىڭغا قول سالمىدى. ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرى ئىبادەتخانىدىن قايتىپ كەلگەندە، ئالىي روھانىيلار بىلەن پەرىسىيلەر: - نېمە ئۈچۈن ئۇنى تۇتۇپ كەلمىدىڭلار؟ - دەپ سوراشتى. ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرى: - ھېچكىم ھېچقاچان بۇ ئادەمدەك سۆزلىگەن ئەمەس! - دەپ جاۋاب بېرىشتى. پەرىسىيلەر: - سىلەرمۇ ئازدۇرۇلمىغانسىلەر؟ ئاقساقاللاردىن ياكى پەرىسىيلەردىن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلار بارمۇ نېمە؟ ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان گۇرۇھنىڭ مۇقەددەس يازمىلاردىن خەۋىرى يوق، شۇڭا ئۇ خەقنى خۇدا ئۇرىدۇ! - دېيىشتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرى، يەنى بۇرۇن بىر ئاخشىمى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كەلگەن نىكودىم ئۇلارغا: - تەۋرات قانۇنىمىزدا بىر ئادەمنىڭ ئۆز ئىقرارىنى ئاڭلىماي ۋە قىلمىشلىرىنى بىلمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشقا بولمايدۇ، دەپ يېزىلغان، - دېدى. - ئەجەبا، سەنمۇ جەلىلىيىلىكمۇ نېمە؟ - دېيىشتى ئاقساقاللار، - مۇقەددەس يازمىلارنى ئوقۇساڭ، جەلىلىيىدىن پەيغەمبەر چىقمايدىغانلىقىنى بىلەلەيسەن!} بۇنىڭ بىلەن، كۆپچىلىك ئۆيلىرىگە قايتىشتى. ھەزرىتى ئەيسا زەيتۇن تېغىغا چىقىپ كەتتى. ئەتىسى سەھەردە، ئۇ يەنە مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كەلدى. پۈتۈن جامائەت ئۇنىڭ يېنىغا كېلىۋالغانىدى. ئۇ ئولتۇرۇپ، ئۇلارغا تەلىم بېرىشكە باشلىدى. شۇ چاغدا، بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر زىنا قىلىپ تۇتۇلۇپ قالغان بىر ئايالنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇلار ئايالنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ھەزرىتى ئەيسادىن: - ئۇستاز، بۇ ئايال زىنا ئۈستىدە تۇتۇۋېلىندى. مۇسا پەيغەمبەر تەۋرات قانۇنىدا زىنا قىلغان ئاياللارنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈشنى بۇيرۇغان. سىزچە قانداق قىلىش كېرەك؟ - دەپ سوراشتى. ئۇلارنىڭ بۇنداق دېيىشتىكى غەرىزى، ھەزرىتى ئەيسانى تۇزاققا چۈشۈرۈپ، ئۇنى گۇناھكار دەپ ئەيىبلەشكە باھانە ئىزدەش ئىدى. بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئېڭىشىپ، قولى بىلەن يەرگە بىر نېمىلەرنى يازغىلى تۇردى. ئۇلار شۇ سوئالنى سوراۋەردى، شۇڭا ھەزرىتى ئەيسا رۇسلىنىپ، ئۇلارغا: - ئاراڭلاردىكى گۇناھسىز كىشى بۇ ئايالغا بىرىنچى تاشنى ئاتسۇن! - دېدى. ئاندىن، يەنە ئېڭىشىپ، يەرگە يېزىشنى داۋاملاشتۇردى. ئۇلار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئالدى بىلەن ياشانغانلىرى، ئاندىن كېيىن باشقىلىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىشتى. ئاخىردا، ھەزرىتى ئەيسا ئالدىدا ئۆرە تۇرغان ھېلىقى ئايال بىلەن يالغۇز قالدى. ھەزرىتى ئەيسا رۇسلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا: - خانىم، سىزنى شىكايەت قىلغانلار قېنى؟ سىزنى سوراققا تارتىدىغان ئادەم چىقمىدىمۇ؟ - دەپ سورىدى. - چىقمىدى، ھەزرەتلىرى، - دېدى ئايال. ھەزرىتى ئەيسا: - مەنمۇ سىزنى سوراق قىلمايمەن. قايتىڭ، بۇنىڭدىن كېيىن گۇناھ قىلماڭ! - دېدى.{ ھەزرىتى ئەيسا يەنە كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: - دۇنيانىڭ نۇرى ئۆزۈمدۇرمەن. ماڭا ئەگەشكەنلەر قاراڭغۇلۇقتا قالمايدۇ. ئەكسىچە، ھاياتلىق نۇرىغا ئېرىشىدۇ. پەرىسىيلەر: - سەن ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ گۇۋاھلىق بېرىۋاتىسەن. شۇڭا سېنىڭ گەپلىرىڭگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ، - دېيىشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - مەن ئۆزۈمگە گۇۋاھلىق بېرىپ سۆزلىسەممۇ، سۆزلىرىم ھەقتۇر، چۈنكى مەن ئۆزۈمنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىمنى ۋە قەيەرگە كېتىدىغانلىقىمنى بىلىمەن. لېكىن، سىلەر بۇنى بىلمەيسىلەر. سىلەر ئىنسانلارنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ھۆكۈم قىلىسىلەر. بىراق، مەن ھېچكىمگە ھۆكۈم قىلمايمەن. ھۆكۈم قىلىپ قالساممۇ، ھۆكۈمۈم توغرا بولاتتى، چۈنكى ھۆكۈم قىلغاندا مەن يالغۇز ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچى ئاتام مەن بىلەن بىللىدۇر. سىلەر رىئايە قىلىدىغان تەۋرات قانۇنىدا: «ئىككى گۇۋاھچىنىڭ سۆزى ئوخشاش چىقسا، ئۇلارنىڭ سۆزلىرى توغرا» دەپ يېزىلغان. مەن ئۆزۈم ئۈچۈن ئۆزۈم گۇۋاھلىق بېرىمەن، مېنى ئەۋەتكەن ئاتاممۇ مەن ئۈچۈن گۇۋاھچىدۇر. - ئاتاڭ قەيەردە؟ - دەپ سوراشتى ئۇلار. - سىلەر يا مېنى تونۇمايسىلەر، يا ئاتامنى. مېنى تونۇغان بولساڭلار، ئاتامنىمۇ تونۇيتتۇڭلار، - دەپ جاۋاب بەردى ھەزرىتى ئەيسا. ھەزرىتى ئەيسا بۇ تەلىملەرنى مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى ئىئانە توپلىنىدىغان يەردە ئېيتقانىدى. بىراق، ھېچكىم ئۇنى تۇتمىدى، چۈنكى ئۇنىڭ ۋاقىت-سائىتى تېخى يېتىپ كەلمىگەنىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە: - مەن بۇ يەردىن كېتىمەن، سىلەر مېنى ئىزدەيسىلەر، بىراق تاپالمايسىلەر. شۇنداقلا، گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىنمايلا ئۆلىسىلەر. مەن كېتىدىغان يەرگە سىلەر بارالمايسىلەر، - دېدى. بۇنىڭ بىلەن، يەھۇدىي ئاقساقاللىرى: - ئۇ: «مەن كېتىدىغان يەرگە سىلەر بارالمايسىلەر» دەيدۇ. بۇ، ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۈۋالىمەن دېگەنلىكىمىدۇ؟ - دېيىشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - سىلەر بۇ يەرلىك بولۇپ، بۇ دۇنياغا تەۋە. مەن بولسام ئەرشتىن كەلگەن بولۇپ، بۇ دۇنياغا تەۋە ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەرگە: «گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىنماي ئۆلىسىلەر» دېدىم. چۈنكى، سىلەر مېنىڭ «مەڭگۈ بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىمگە ئىشەنمىسەڭلار، گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىنماي ئۆلىسىلەر، - دېدى. - سەن زادى كىم؟ - دەپ سوراشتى ئۇلار. - باشتىن تارتىپ سىلەرگە نېمە دېگەن بولسام، مەن شۇ. ئەسلى مېنىڭ سىلەرنى سوراققا تارتىدىغان نۇرغۇن سۆزلىرىم بار ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ، مېنى ئەۋەتكۈچىدىن ئاڭلىغانلىرىمنىلا ئىنسانلارغا ئۇقتۇرۇۋاتىمەن، چۈنكى ئۇ ھەقتۇر، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزلىرىگە ئېيتقانلىرىنىڭ ئاتىسى خۇدا توغرۇلۇق ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلمىدى. شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - سىلەر ئىنسانئوغلىنى كرېستكە مىخلاپ تىكلىگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ «مەڭگۈ بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر. شۇنداقلا، ھېچ ئىشنى ئۆزلۈكۈمدىن قىلمىغانلىقىمنى ۋە پەقەت ئاتامنىڭ ئۆگەتكىنىنىلا سۆزلىگەنلىكىمنىمۇ بىلىسىلەر. مېنى ئەۋەتكۈچى مەن بىلەن بىللىدۇر، ئۇ مېنى ھەرگىز يالغۇز قويمىدى، چۈنكى مەن ھەمىشە ئۇنى خۇش قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىمەن. ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقان چاغنىڭ ئۆزىدە، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىيلارغا: - ئەگەر مېنىڭ تەلىمىم بويىچە ئىش كۆرسەڭلار، مېنىڭ ھەقىقىي شاگىرتلىرىم بولىسىلەر. ھەقىقەتنى بىلىسىلەر ۋە ھەقىقەت سىلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدۇ، - دېدى. - بىز ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرىمىز، - دەپ جاۋاب بېرىشتى ئۇلار، - ھېچكىمگە ھېچقاچان قۇل بولمىدۇق. سىزنىڭ: «ھەقىقەت سىلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدۇ» دېگىنىڭىزنىڭ مەنىسى زادى نېمە؟ - بىلىپ قويۇڭلاركى، گۇناھ سادىر قىلغان كىشى گۇناھنىڭ قۇلىدۇر، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا، - قۇل ئائىلىنىڭ مەڭگۈلۈك ئەزاسى بولالمايدۇ. ئوغۇل بولسا شۇ ئائىلىنىڭ مەڭگۈلۈك ئەزاسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئوغلى سىلەرنى ئەركىن قىلسا، ھەقىقىي ئەركىن بولىسىلەر. سىلەرنىڭ ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىمەن. بىراق، مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىسىلەر، چۈنكى مېنىڭ تەلىمىم سىلەرنىڭ قەلبىڭلاردا ئورۇن ئالمىدى. مەن ئاتامنىڭ يېنىدا كۆرگەنلىرىمنى سىلەرگە ئېيتىۋاتىمەن. سىلەر ئۆز ئاتاڭلاردىن ئاڭلىغانلىرىڭلارنى قىلىۋاتىسىلەر! - بىزنىڭ ئاتىمىز، ئەجدادىمىز ئىبراھىم، - دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتى ئۇلار. - ئىبراھىمنىڭ پەرزەنتلىرى بولساڭلار، ئىبراھىمنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى قىلغان بولاتتىڭلار! بىراق، ھازىر ئەكسىچە مېنى، يەنى خۇدادىن ئاڭلىغان ھەقىقەتنى سىلەرگە يەتكۈزگەن كىشىنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىسىلەر. ئەجدادىڭلار ئىبراھىم ھەرگىز ئۇنداق ئىشنى قىلمىغان. سىلەر ئۆز ئاتاڭلارنىڭ قىلغىنىنى قىلىۋاتىسىلەر! - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. - بىز ھارامدىن بولمىدۇق. بىزنىڭ پەقەت بىرلا ئاتىمىز بار، ئۇ بولسا خۇدادۇر! - دېيىشتى ئۇلار. - ئاتاڭلار خۇدا بولغان بولسا، مېنى سۆيگەن بولاتتىڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - چۈنكى مەن خۇدانىڭ يېنىدىن كەلدىم، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردىمەن. ئۆزلۈكۈمدىن كەلگەن ئەمەسمەن، بەلكى ئۇ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنمەن. سۆزلىرىمنى نېمىشقا چۈشەنمەيسىلەر؟ ئېنىقكى، مېنىڭ تەلىمىم قۇلىقىڭلارغا ياقمايۋاتىدۇ! ئاتاڭلار شەيتان بولغاچقا، سىلەرمۇ ئۇنىڭ ھەۋەسلىرى بويىچە ئىش قىلىسىلەر. ئۇ ئەزەلدىن قاتىل ھەم ھەقىقەتتە تۇرمايدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭدا ھەقىقەت يوقتۇر. يالغان سۆزلەش ئۇنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى، چۈنكى ئۇ يالغانچى ۋە يالغانچىلىقنىڭ پىرىدۇر. مەن بولسام ھەقىقەتنى سۆزلەيمەن، شۇڭا ماڭا ئىشەنمەيسىلەر. قايسىڭلار مېنىڭ گۇناھىم بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيسىلەر، قېنى؟ ھەقىقەتنى سۆزلىسەم، نېمە ئۈچۈن ماڭا ئىشەنمەيسىلەر؟ خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلايدۇ، سىلەر خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمايسىلەر! يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ھەزرىتى ئەيساغا جاۋابەن: - ئەجەبا، بىزنىڭ سېنى: «سامارىيىلىك ھەم جىن چاپلاشقان ئادەمسەن» دېگەن سۆزىمىز توغرا ئەمەسمۇ؟ - دېيىشتى. - ماڭا جىن چاپلاشقىنى يوق، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - مەن ئاتامنى ھۆرمەت قىلىمەن. لېكىن، سىلەر ماڭا بىھۆرمەتلىك قىلىۋاتىسىلەر. مېنىڭ ئۆزۈمنى ئۇلۇغلىغۇم يوق، لېكىن مېنىڭ ئۇلۇغ بولۇشۇمنى خالايدىغان بىرى بار. ئۇنىڭ ھۆكۈمى ئادىلدۇر. بىلىپ قويۇڭلاركى، مېنىڭ تەلىمىم بويىچە ئىش كۆرگەن كىشى مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ. ئۇلار ھەزرىتى ئەيساغا: - ساڭا جىن چاپلاشقانلىقىنى ئەمدى ئېنىق بىلدۇق، - دېيىشتى، - ھەتتا ئەجدادىمىز ئىبراھىم ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرمۇ ئۆلگەن تۇرسا، سەن قانداقچە: «تەلىمىم بويىچە ئىش كۆرگەن كىشى مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ!» دېيەلەيسەن؟ ئەجەبا، سەن ئالەمدىن ئۆتكەن ئاتىمىز ئىبراھىمدىن ۋە ۋاپات بولغان باشقا پەيغەمبەرلەردىنمۇ ئۈستۈن تۇرامسەن؟ سەن ئۆزۈڭنى زادى قانداق ئادەم دەپ ھېسابلايسەن؟ ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئەگەر مەن ئۆزۈمنى ئۇلۇغلىسام، مېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇم بىكار بولاتتى. بىراق، مېنى ئۇلۇغلىغۇچى - سىلەر «خۇدايىمىز» دەپ ئاتايدىغان ئاتامنىڭ ئۆزىدۇر. سىلەر ئۇنى تونۇپ يېتەلمىدىڭلار، لېكىن مەن ئۇنى تونۇيمەن. ئۇنى تونۇمايمەن دېسەم، سىلەردەك يالغانچى بولىمەن، بىراق مەن ئۇنى تونۇيمەن ۋە ئۇنىڭ سۆزى بويىچە ئىش كۆرىمەن. ئاتاڭلار ئىبراھىم مېنىڭ كېلىشىمگە ئىنتىزار بولغان ھەم كەلگەنلىكىمنى ئالدىنئالا كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇشال بولغان. - سەن تېخى ئەللىك ياشقا كىرمىگەن تۇرۇپ، ئەجدادىمىز ئىبراھىمنىمۇ كۆردۈڭمۇ؟ - دېيىشتى ئۇلار. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - بىلىپ قويۇڭلاركى، مەن ئىبراھىم تۇغۇلماستىلا بار ئىدىم! - دېدى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار يەردىن تاش ئېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانى چالما-كېسەك قىلماقچى بولۇشتى، لېكىن ئۇ ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ، مەركىزىي ئىبادەتخانىدىن چىقىپ كەتتى. ھەزرىتى ئەيسا يولدا كېتىۋېتىپ، تۇغما قارىغۇ بىر ئادەمنى كۆردى. شاگىرتلىرى ھەزرىتى ئەيسادىن: - ئۇستاز، بۇ ئادەمنىڭ تۇغما قارىغۇ بولۇشى كىمنىڭ گۇناھ سادىر قىلغانلىقىدىن بولغان؟ ئۆزىنىڭمۇ ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ؟ - دەپ سوراشتى. ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئۆزى ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭ گۇناھ سادىر قىلغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئۆز قۇدرىتىنى ئۇنىڭ ھاياتىدا ئايان قىلماقچى بولغانلىقىدىندۇر. كۈننىڭ يورۇق ۋاقتىدا، مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ بىزگە تاپشۇرغان ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشىمىز كېرەك. كەچ كىرىپ قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتسە، ھېچكىم ئىش قىلالمايدۇ. دۇنيادا بولغان مەزگىلىمدە، دۇنيانىڭ نۇرى ئۆزۈمدۇرمەن. ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، يەرگە تۈكۈرۈپ، تۈكۈرۈك بىلەن لاي قىلىپ، لاينى ھېلىقى ئادەمنىڭ كۆزلىرىگە سۈرۈپ قويدى ۋە ئۇنىڭغا: «سىلوھا كۆلچىكىگە بېرىپ كۆزلىرىڭنى يۇ» دېدى. («سىلوھا» ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ، «ئەۋەتىلگۈچى» دېگەن مەنىنى بېرىدۇ.) ھېلىقى ئادەم ھەزرىتى ئەيسانىڭ دېگىنى بويىچە قىلدى ۋە كۆزلىرى ئېچىلغان ھالدا قايتتى. قوشنىلىرى ۋە تىلەمچىلىك قىلغىنىدا ئۇنى كۆرگەنلەر: - بۇ، ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىدىغان ھېلىقى ئادەم ئەمەسمۇ؟ - دېيىشتى. بەزىلەر: «ھەئە، شۇ» دېسە، يەنە بەزىلەر: «ياق، ئۇ ئەمەس، ئەمما ئۇنىڭغا ئوخشايدىكەن» دېيىشتى. بىراق، ئۇ ئۆزى: - مەن دەل شۇ كىشى بولىمەن! - دېدى. - ئۇنداقتا كۆزلىرىڭ قانداق ئېچىلدى؟ - دەپ سوراشتى ئۇلار. ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئەيسا دېگەن بىر كىشى تۈكۈرۈكىدىن لاي قىلىپ كۆزلىرىمگە سۈرۈپ قويۇپ، ماڭا: «سىلوھا كۆلچىكىگە بېرىپ كۆزلىرىڭنى يۇ» دېگەنىدى. مەن ئۇ يەرگە بېرىپ يۇسام، كۆزلىرىم ئېچىلىپ كەتتى. - ئۇ ھازىر قەيەردە؟ - دەپ سوراشتى ئۇلار. - بىلمەيمەن، - دېدى ئۇ. خالايىق ئىلگىرى قارىغۇ بولغان بۇ ئادەمنى پەرىسىيلەرنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىشتى. ھەزرىتى ئەيسا لاي قىلىپ بۇ ئادەمنىڭ كۆزلىرىنى ساقايتقان كۈن - دەل دەم ئېلىش كۈنى ئىدى. پەرىسىيلەر بۇ ئادەمدىن كۆزلىرىنىڭ قانداق ئېچىلغانلىقىنى سورىۋىدى، ئۇ: «ئۇ كۆزلىرىمگە لاي سۈرۈپ قويدى، ئاندىن يۈزۈمنى يۇدۇم. ھازىر مانا كۆرەلەيدىغان بولدۇم!» دېدى. شۇنىڭ بىلەن، پەرىسىيلەردىن بەزىلىرى: - ئۇ ئادەم خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگەن ئەمەس، چۈنكى ئۇ دەم ئېلىش كۈنى ئىش قىلماسلىق ئەمرىگە خىلاپلىق قىلدى، - دېيىشتى. يەنە بەزىلىرى: - گۇناھكار بولسا، قانداقلارچە بۇنداق مۆجىزىلەرنى يارىتالايدۇ؟ - دېيىشتى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بۆلۈنۈش پەيدا بولدى. ئۇلار قارىغۇ ئادەمدىن يەنە: - كۆزلىرىڭنى ئاچقان ئۇ ئادەم سېنىڭچە قانداق ئادەمدۇ؟ - دەپ سوراشتى. - ئۇ بىر پەيغەمبەر، - دېدى ھېلىقى ئادەم. يەھۇدىي ئاقساقاللىرى كۆزلىرى ئېچىلغان ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسىنى تېپىپ كەلمىگۈچە، بۇرۇن ئۇنىڭ قارىغۇ ئىكەنلىكىگە ۋە ھازىر كۆزلىرىنىڭ ئېچىلغانلىقىغا ئىشەنمەيتتى. شۇڭا، ئۇلار ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى چاقىرتىپ، ئۇلاردىن: - تۇغما قارىغۇ دېگەن ئوغلۇڭلار مۇشۇمۇ؟ ھازىر قانداقلارچە كۆرەلەيدىغان بولۇپ قالدى؟ - دەپ سوراشتى. - ئۇنىڭ بىزنىڭ ئوغلىمىز ئىكەنلىكى ۋە تۇغۇلۇشىدىنلا قارىغۇ ئىكەنلىكى راست، لېكىن ھازىر قانداقلارچە كۆرەلەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى، كۆزلىرىنى كىم ئاچقانلىقىنى بىلمەيمىز. ئۇنى ئۆزۈڭلار سوراڭلار، ئۇ چوڭ ئادەم تۇرسا، ئۆز ئىشىنى ئۆزى سۆزلەپ بەرسۇن، - دەپ جاۋاب بەردى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى. ئۇلار يەھۇدىي ئاقساقاللىرىدىن قورققانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دېيىشتى، چۈنكى يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ھەزرىتى ئەيسانى قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ، دەپ ئېتىراپ قىلغانلارنى ئىبادەتخانا جامائەتچىلىكىدىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلغانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھېلىقى ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسى: «ئۇ چوڭ ئادەم تۇرسا، ئۆزىدىن سوراڭلار» دېگەنىدى. پەرىسىيلەر ئىلگىرى قارىغۇ بولغان ئۇ ئادەمنى يەنە چاقىرىپ: - خۇدا ئالدىدا قەسەم قىل! بىز بۇ ئادەمنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، - دېيىشتى. ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئۇنىڭ گۇناھكار ياكى ئەمەسلىكىنى بىلمەيمەن. مەن پەقەت بىرلا ئىشنى بىلىمەن، ئۇ بولسىمۇ قارىغۇ ئىدىم، ھازىر كۆرەلەيدىغان بولدۇم. بۇ چاغدا، ئۇلار: - ئۇ سېنى قانداق قىلدى؟ كۆزلىرىڭنى قانداق ئاچتى؟ - دەپ سوراشتى. ئۇ جاۋابەن: - سىلەرگە ئېيتسام، قۇلاق سالمىدىڭلار. يەنە قانداقلارچە ئاڭلىماقچى بولۇپ قالدىڭلار؟ سىلەرمۇ ئۇنىڭ شاگىرتلىرى بولماقچىمۇ نېمە؟! - دېدى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۇنى ھاقارەتلەپ: - سەن ئۇ ئەبلەخنىڭ شاگىرتى! بىز بولساق مۇسا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى. خۇدانىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە سۆزلىگەنلىكىنى بىلىمىز. بۇ ئەبلەخنىڭ بولسا ئەڭ قىسقىسى قەيەردىن كەلگەنلىكىنىمۇ بىلمەيمىز، - دېيىشتى. ھېلىقى ئادەم ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: - ئاجايىپ ئىشقۇ بۇ! ئۇ كۆزلىرىمنى ئاچتى. شۇنداقتىمۇ، سىلەر ئۇنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلمىدىڭلار. بىز بىلىمىزكى، خۇدا گۇناھكارلارنىڭ تەلىپىنى ئاڭلىمايدۇ، بەلكى ئۆزىگە ئىبادەت قىلغان ۋە ئىرادىسىنى ئىشقا ئاشۇرغانلارنىڭكىنى ئاڭلايدۇ. دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى، بىرەر كىشىنىڭ تۇغما قارىغۇنىڭ كۆزىنى ئاچقانلىقىنى ئاڭلاپ باققان ئەمەسمىز. بۇ ئادەم خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلمىگەن بولسا، ھېچنېمە قىلالمىغان بولاتتى. ئۇلار ئۇنى: - سەن گۇناھ ئىچىدە تۇغۇلغان تۇرۇقلۇق، ئەمدى بىزگە تەلىم بەرمەكچىمۇسەن؟ - دېيىشىپ، ئىبادەتخانىدىن قوغلاپ چىقىرىشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ ھېلىقى ئادەمنى ئىبادەتخانىدىن قوغلاپ چىقارغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئىزدەپ تېپىپ: - سەن ئىنسانئوغلىغا ئېتىقاد قىلامسەن؟ - دەپ سورىدى. - ھەزرەتلىرى، ئۇ كىم؟ ئېيتىپ بەرگەيسىز، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلاي، - دېدى ھېلىقى ئادەم. - ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇپسەن، ھازىر سەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان دەل شۇنىڭ ئۆزى، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا. ھېلىقى ئادەم: - ئى رەببىم، ساڭا ئېتىقاد قىلدىم! - دەپ، ھەزرىتى ئەيساغا سەجدە قىلدى. - دۇنيادىكى ئادەملەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغىلى كەلدىم. كورلارنى كۆرىدىغان قىلىش، كۆرىمەن دەيدىغانلارغا ئۇلارنىڭ كور ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن كەلدىم، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. ئۇنىڭ يېنىدىكى بەزى پەرىسىيلەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ: - بۇ بىزنىمۇ كور دەپ قارىغانلىق ئەمەستۇ؟ - دەپ سوراشتى. - كور بولغان بولساڭلار، گۇناھكار بولمىغان بولاتتىڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - لېكىن ھازىر، «كۆرۈۋاتىمىز» دېگەنلىكىڭلار ئۈچۈن گۇناھكارسىلەر. ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق بىر تەمسىلنى ئېيتىپ بەردى: - بىلىپ قويۇڭلاركى، قوينىڭ قوتىنىغا ئىشىكتىن كىرمەي، تېمىغا يامىشىپ كىرگەن كىشى ئوغرى ۋە قاراقچىدۇر. ئىشىكتىن كىرىدىغان كىشى بولسا شۇ قويلارنىڭ قويچىسىدۇر. كۆزەتچى ئىشىكنى قويچىغا ئېچىپ بېرىدۇ. قويلار قويچىنىڭ ئاۋازىنى تونۇيدۇ، ئۇمۇ ئۆز قويلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى چاقىرىپ ئۇلارنى سىرتقا ئېلىپ چىقىدۇ. قويچى قويلىرىنىڭ ھەممىسىنى سىرتقا چىقىرىپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، قويلارمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ مېڭىشىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئاۋازىنى تونۇيدۇ. يات بىرىنىڭ كەينىدىن ماڭمايدۇ، ئەكسىچە ئۇنىڭدىن قاچىدۇ، چۈنكى ياتلارنىڭ ئاۋازىنى تونۇمايدۇ. ئەتراپىدىكىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ تەمسىلنى سۆزلەش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشەنمىدى. شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسا چۈشەندۈرۈپ، مۇنداق دېدى: - بىلىپ قويۇڭلاركى، قويلار كىرىدىغان ئىشىك ئۆزۈمدۇرمەن. مەندىن ئىلگىرى كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئوغرى ۋە قاراقچىدۇر، لېكىن قويلار ئۇلارغا بوي بەرمىدى. ئىشىك ئۆزۈمدۇرمەن. مەن ئارقىلىق كىرگىنى قۇتقۇزۇلىدۇ ھەم كىرىپ-چىقىپ يۈرۈپ، ياپيېشىل ئوت-چۆپلەرنى تېپىپ يېيەلەيدۇ. ئوغرى بولسا ئوغرىلاش، ئۆلتۈرۈش ۋە بۇزۇش ئۈچۈنلا كېلىدۇ. مەن بولسام ئادەملەر ھاياتلىققا ئېرىشسۇن ۋە ئۇ ھاياتلىق مول بولسۇن، دەپ كەلدىم. ياخشى قويچى ئۆزۈمدۇرمەن. ياخشى قويچىنىڭ قويلىرى ئۈچۈن جېنى پىدادۇر. مەدىكار ئۇنداق قىلمايدۇ. ئۇ قويلارنىڭ خوجايىنى ھەم قويچىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بۆرىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرسە، قويلارنى تاشلاپ قاچىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بۆرە قويلارنى تۇتۇۋېلىپ تىرىپىرەن قىلىۋېتىدۇ. مەدىكار نېمىشقا قاچىدۇ؟ چۈنكى، ئۇ قويلارنىڭ ئىگىسى ئەمەس، شۇڭلاشقا ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. بۇ قوتاندىن بولمىغان باشقا قويلىرىممۇ بار. ئۇلارنىمۇ چاقىرىشىم كېرەك. ئۇلارمۇ ئاۋازىمنى ئاڭلايدۇ. ھەممە قويلار بىر پادا بولۇشۇپ، بىر قويچىغا ئەگىشىدۇ. ئاتام مېنى سۆيىدۇ. چۈنكى، مەن ئۆزۈمنى قۇربان قىلغاندىن كېيىن تىرىلىشىم ئۈچۈن، جېنىمنى پىدا قىلىشنى خالايمەن. جېنىمنى ھېچكىم ئالالمايدۇ، مەن ئۇنى ئۆز ئىختىيارىم بىلەن پىدا قىلىمەن. مەن ئۇنى بېرىشكە ۋە قايتۇرۇۋېلىشقا ھوقۇقلۇق. ئاتام ماڭا شۇنداق قىلىشنى بۇيرۇغان. بۇ سۆزلەر تۈپەيلىدىن يەھۇدىيلار ئارىسىدا يەنە بۆلۈنۈش چىقتى. بىرمۇنچە كىشىلەر: - ئۇنىڭغا جىن تېگىپتۇ، ساراڭ بولۇپ قاپتۇ، نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغۇدەكمىز؟ - دېيىشەتتى. يەنە بەزىلەر بولسا: - جىن تەگكەن ئادەمنىڭ سۆزلىرى بۇنداق بولمايدۇ. جىن تەگكەن ئادەم قانداقمۇ قارىغۇلارنىڭ كۆزلىرىنى ئاچالىسۇن؟! - دېيىشتى. قىش پەسلى بولۇپ، يېرۇسالېمدا مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ قايتا ئېچىلغانلىقىنى خاتىرىلەيدىغان بايرام ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئىبادەتخانىدىكى «سۇلايمان پادىشاھنىڭ پېشايۋىنى» دېگەن يەردە ئايلىنىپ يۈرەتتى. خەقلەر ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋېلىپ: - بىزنى يەنە قاچانغىچە گۇماندا قالدۇرىسەن؟ ئەگەر قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ بولساڭ، بىزگە ئوچۇقىنى ئېيت، - دېيىشتى. ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: - مەن سىلەرگە ئېيتقان، لېكىن ماڭا ئېتىقاد قىلمىدىڭلار. ئاتامنىڭ نامى بىلەن قىلغان ئىشلىرىم مېنىڭ كىم ئىكەنلىكىمگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. بىراق، سىلەر ئېتىقاد قىلمىدىڭلار، چۈنكى مېنىڭ قويلىرىمدىن ئەمەسسىلەر. مېنىڭ قويلىرىم گېپىمنى ئاڭلايدۇ. مەن ئۇلارنى تونۇيمەن. ئۇلار ماڭا ئەگىشىدۇ. ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىمەن. ئۇلار ئەسلا ھالاك بولمايدۇ. ئۇلارنى ھېچكىم قولۇمدىن تارتىۋالالمايدۇ. ئۇلارنى ماڭا تەقدىم قىلغان ئاتام ھەممىدىن ئۈستۈندۇر. ئۇلارنى ئاتامنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىشقا ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ. ئاتام ئىككىمىز ئەسلىدە بىرمىز. بۇنىڭ بىلەن، يەھۇدىيلار يەنە ئۇنى چالما-كېسەك قىلىش ئۈچۈن، يەردىن تاش ئېلىشتى. - ئاتام ماڭا بۇيرۇغان نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى ئالدىڭلاردا كۆرسەتتىم. بۇ ئىشلارنىڭ قايسىسى ئۈچۈن مېنى چالما-كېسەك قىلماقچىسىلەر؟ - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا. - سېنى ياخشى ئىشلىرىڭ ئۈچۈن ئەمەس، كۇپۇرلۇق قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن چالما-كېسەك قىلىمىز. چۈنكى، سەن ئادەم تۇرۇقلۇق، ئۆزۈڭنى خۇدا قىلىپ كۆرسەتتىڭ! - دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتى خالايىق. ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ بۇرۇنقى زاماندىكى يەھۇدىي يېتەكچىلەرگە: «سىلەر ئىلاھلار» دېگىنى يېزىلغان ئەمەسمۇ؟ مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغىنى مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ-دە! خۇدا ئۆزىنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزگەنلەرنى: «ئىلاھلار» دەپ ئاتىغانغۇ! ئەمدى ماڭا كەلسەك، ئاتام مېنى تاللاپ پانىي دۇنياغا ئەۋەتتى. شۇنداق تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن «خۇدانىڭ ئوغلىمەن» دېسەم، مېنى «كۇپۇرلۇق قىلدىڭ!» دەيسىلەر؟ ئەگەر ئاتام بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلمىسام، ماڭا ئېتىقاد قىلماڭلار. لېكىن قىلسام، سۆزلىرىمگە ئىشەنمىگەن ھالەتتىمۇ، قىلغانلىرىمنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ ھەقلىقىگە ئىشىنىڭلار. بۇنىڭ بىلەن، ئاتامنىڭ مەندە ئىكەنلىكىنى، مېنىڭمۇ ئاتامدا ئىكەنلىكىمنى ھەق دەپ بىلىپ يېتىسىلەر. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار يەنە ئۇنى تۇتماقچى بولدى، بىراق ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنى ئۇلاردىن قاچۇرۇپ قۇتۇلدى. ئاندىن، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىغا، يەنى بۇرۇن يەھيا پەيغەمبەر ئادەملەرنى چۆمۈلدۈرگەن يەرگە كېتىپ، ئۇ يەردە تۇردى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلار: - يەھيا پەيغەمبەر ھېچ مۆجىزە كۆرسەتمىگەن، لېكىن بۇ ئادەم توغرىسىدا ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسى توغرا چىقتى! - دېيىشتى. شۇنداق قىلىپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ يەردە ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. لازارنىڭ ھەدىلىرى ھەزرىتى ئەيساغا: «ئى رەببىمىز، سىز ياخشى كۆرىدىغان دوستىڭىز كېسەل بولۇپ قالدى» دەپ خەۋەر بېرىشتى. ھەزرىتى ئەيسا بۇنى ئاڭلاپ: - بۇ كېسەللىك لازارنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاياغلاشمايدۇ. ئەكسىچە، بۇ ئارقىلىق خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئايان بولۇپ، خالايىق خۇداغا مەدھىيە ئوقۇيدۇ، - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا مارتا، مەريەم ۋە لازارنى بەك ياخشى كۆرەتتى. گەرچە ئۇ لازارنىڭ كېسەل ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، ئۆزى تۇرۇۋاتقان يەردە يەنە ئىككى كۈن تۇردى. ئاندىن كېيىن، شاگىرتلىرىغا: - يەھۇدىيىگە قايتا بارايلى! - دېدى. شاگىرتلىرى ئۇنىڭغا: - ئۇستاز، يېقىندىلا ئۇ يەردىكى خەقلەر سىزنى چالما-كېسەك قىلماقچى بولغان تۇرسا، يەنە ئۇ يەرگە قايتا بارامسىز؟ - دېيىشتى. ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - كۈندۈز ئون ئىككى سائەت ئەمەسمۇ؟ كۈندۈزى يول ماڭغان يىقىلماس، چۈنكى ئۇ بۇ دۇنيانىڭ يورۇقىنى كۆرىدۇ. لېكىن، كېچىسى يول ماڭغان يىقىلار، چۈنكى ئۇنىڭدا يورۇقلۇق يوقتۇر. ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن: - دوستىمىز لازار ئۇخلاپ قالدى، مەن ئۇنى ئويغاتقىلى بارىمەن، - دەپ قوشۇپ قويدى. شاگىرتلار: - ئۇخلىغان بولسا ياخشى بولۇپ قالىدۇ، ئى رەببىمىز، - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا لازارنىڭ ئۆلۈمىنى دېمەكچىدى، لېكىن ئۇلار ئادەتتىكى ئۇيقۇنى دەۋاتىدۇ، دەپ ئويلاشتى. شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا ئوچۇقىنى ئېيتىپ: - لازار ئالەمدىن ئۆتتى، دېمەكچىمەن. سىلەرنى دەپ، ئۇنىڭ قېشىدا بولمىغانلىقىمغا خۇشالمەن. چۈنكى، بۇ سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلارنىڭ كۈچەيتىلىشى ئۈچۈن، يەنە بىر پۇرسەت يارىتىپ بەردى. ئەمدى ئۇ بار يەرگە بارايلى، - دېدى. «قوشكېزەك» دەپ ئاتىلىدىغان توماس باشقا شاگىرتلارغا: - بىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارايلى ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆلەيلى، - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن بەيتانىياغا بارغاندا، لازارنىڭ يەرلىككە قويۇلغىنىغا تۆت كۈن بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. بەيتانىيا يېرۇسالېمدىن ئۈچ چاقىرىم يىراقلىقتا ئىدى. نۇرغۇن يەھۇدىيلار مارتا بىلەن مەريەمنىڭ ئىنىسىنىڭ ئۆلۈمىگە تەسەللى بېرىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلگەنىدى. مارتا ھەزرىتى ئەيسانىڭ كېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى. مەريەم بولسا ئۆيدە قالدى. - ئى رەببىم، - دېدى مارتا ھەزرىتى ئەيساغا، - بۇ يەردە بولغان بولسىڭىز، ئىنىم ئۆلمەس ئىدى. ھېلىمۇ، خۇدادىن نېمە تىلىسىڭىز، ئۇنىڭ سىزگە شۇنى بېرىدىغانلىقىنى بىلىمەن. - ئىنىڭىز تىرىلىدۇ، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. مارتا: - قىيامەت كۈنى، ئۇنىڭ جەزمەن تىرىلىدىغانلىقىنى بىلىمەن، - دېدى. - ئىنسانلارنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى ۋە ھاياتلىق بەرگۈچى ئۆزۈمدۇرمەن، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا، - ماڭا ئېتىقاد قىلغان كىشى ئۆلسىمۇ، يەنە ھايات بولىدۇ. ماڭا ئېتىقاد قىلىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەنلەر ئەسلا ئۆلمەيدۇ؛ بۇنىڭغا ئىشىنەمسىز؟ - ئىشىنىمەن رەببىم، - دېدى مارتا، - سىزنىڭ ئىنسانلار ئارىسىغا كېلىشكە تەيىنلەنگەن قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ، خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشىنىمەن. مارتا بۇنى دەپ بولغاندىن كېيىن، قايتىپ سىڭلىسى مەريەمنى ئاستىغىنا چاقىرىپ: - ئۇستازىمىز كېلىپ بولدى. سېنى چاقىرىۋاتىدۇ، - دېدى. مەريەم بۇنى ئاڭلاپ، دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ھەزرىتى ئەيسا بىلەن كۆرۈشكىلى ماڭدى. ئۇ پەيتتە ھەزرىتى ئەيسا تېخى يېزىغا كىرمىگەن بولۇپ، مارتا ئالدىغا چىققان يەردە ئىدى. ئۆيدە مەريەمگە تەسەللى بېرىۋاتقان خالايىق مەريەمنىڭ بىردىنلا ئورنىدىن تۇرۇپ، سىرتقا چىقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈشتى ۋە ئۇنى قەبرىستانلىققا يىغا-زار قىلغىلى ماڭدى دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىشتى. بىراق، مەريەم ھەزرىتى ئەيسا بار يەرگە باردى ۋە ئۇنى كۆرۈپ، ئايىغىغا يىقىلىپ: - ئى رەببىم، بۇ يەردە بولغان بولسىڭىز، ئىنىم ئۆلمەس ئىدى! - دېدى. مەريەمنىڭ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگەن خالايىقنىڭ يىغا-زار قىلىشقىنىنى كۆرگەن ھەزرىتى ئەيسا غەزەپلىنىپ، كۆڭلى قاتتىق ئازابلىنىشقا باشلىدى ۋە: - ئۇنى قەيەرگە قويدۇڭلار؟ - دەپ سورىدى. - ئى رەببىمىز، كېلىپ كۆرۈڭ، - دېيىشتى ئۇلار. ھەزرىتى ئەيسا كۆز يېشى قىلدى. خەقلەر: - قاراڭلار، ئۇ لازارنى نېمىدېگەن ياخشى كۆرگەن! - دېيىشتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى: - قارىغۇنىڭ كۆزىنى ئاچقان كىشى لازارنىڭ ھاياتىنى ئۆلۈمدىن ساقلاپ قالالمايتتىمۇ؟ - دېيىشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئىچىدە يەنە غەزەپلىنىپ، يەرلىكنىڭ ئالدىغا باردى. يەرلىك كىرىش ئاغزى چوڭ بىر تاش بىلەن توسۇلغان ئۆڭكۈر ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا: - تاشنى ئېلىۋېتىڭلار! - دېدى. ئۆلگۈچىنىڭ ھەدىسى مارتا: - ئى رەببىم، ئالەمدىن ئۆتكىنىگە تۆت كۈن بولدى، ھازىر جەسىتى پۇراپ كەتكەندۇ، - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - مەن ساڭا: «ئېتىقاد قىلساڭ، خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆرىسەن» دېگەنىدىمغۇ! - دېدى. بۇنىڭ بىلەن، خالايىق تاشنى ئېلىۋەتتى، ھەزرىتى ئەيسا كۆزلىرىنى ئاسمانغا تىكىپ، مۇنداق دۇئا قىلدى: - ئى ئاتا، تەلىپىمنى ئاڭلايدىغىنىڭ ئۈچۈن ساڭا شۈكۈر ئېيتىمەن. تەلەپلىرىمنى ھەمىشە ئاڭلايدىغانلىقىڭنى بىلىمەن. شۇنداق بولسىمۇ، ئەتراپىمدىكى خالايىق سېنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىڭگە ئىشەنسۇن دەپ، بۇنى ئېيتىۋاتىمەن. ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، يۇقىرى ئاۋازدا: - لازار، تاشقىرىغا چىق! - دەپ توۋلىدى. لازار قول-پۇتلىرى كېپەنلەنگەن، ئېڭىكى تېڭىلغان ھالدا تاشقىرىغا چىقتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - كېپەنلىكنى سالدۇرۇپ، ئۇنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىڭلار! - دېدى. مەريەمنىڭ يېنىغا پەتىلەپ كەلگەن ۋە ھەزرىتى ئەيسا كۆرسەتكەن بۇ مۆجىزىنى كۆرگەن نۇرغۇن خەقلەر ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى پەرىسىيلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ قىلغان ئىشلىرىنى مەلۇم قىلىشتى. شۇڭا، پەرىسىيلەر ۋە ئالىي روھانىيلار يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي كېڭەشمىسىنى يىغىپ: - قانداق قىلغۇلۇق؟ بۇ ئادەمنىڭ ياراتقان نۇرغۇن مۆجىزىلىرىگە قاراپ بېقىڭلار. ئۇنى بۇنداق قويۇپ بەرسەك، ھەممە ئادەم ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىپ كېتىدۇ. شۇنداق بولغاندا، رىم ھۆكۈمىتى ئىبادەتخانىمىزنى، ھەتتا مىللىتىمىزنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ! - دېيىشتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرى، يەنى شۇ يىلى باش روھانىي بولغان قاياپا: - سىلەر ھېچنېمىنى بىلمەيدىكەنسىلەر! پۈتۈن خەلقنىڭ ھالاك بولۇشىنىڭ ئورنىغا، بىرلا ئادەمنىڭ ئۇلار ئۈچۈن ئۆلۈشىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدىكەنسىلەر، - دېدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار شۇ كۈندىن ئېتىبارەن ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلتۈرۈۋېتىش ئۈچۈن سۇيىقەست قىلىشقا باشلىدى. شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسا ئەمدى يەھۇدىيلار ئارىسىدا ئاشكارا يۈرمەي، ئۇ يەردىن ئايرىلىپ چۆلگە يېقىن رايوندىكى ئەفرايىم شەھىرىگە كېتىپ، شاگىرتلىرى بىلەن بىللە ئۇ يەردە تۇردى. يەھۇدىيلارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاز قالغانىدى. نۇرغۇن كىشىلەر تازىلىنىش دىنىي قائىدىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، ھېيتتىن بىرقانچە كۈن ئىلگىرى يېزىلاردىن يېرۇسالېمغا كېلىشتى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى ئىزدەيتتى. ئۇلار مەركىزىي ئىبادەتخانىدا يىغىلغىنىدا بىر-بىرىگە: - سېنىڭچە قانداق بولار، ھەزرىتى ئەيسا ھېيتقا كەلمەمدىكىن؟ - دېيىشەتتى. ئالىي روھانىيلار بىلەن پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسانى تۇتۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلىدىغانلارنىڭ ئۆزلىرىگە مەلۇم قىلىشىنى بۇيرۇغانىدى. ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدىن ئالتە كۈن ئىلگىرى، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن لازار تۇرغان جاي - بەيتانىياغا كەلدى. ئۇ يەردە ئۇنىڭغا زىياپەت بېرىلدى. مارتا ئۇ يەردە مېھمانلارنى كۈتۈۋاتاتتى. لازار ھەزرىتى ئەيسا بىلەن ھەمداستىخان بولغانلاردىن بىرى ئىدى. مەريەم ساپ سۇمبۇلدىن ياسالغان ئىنتايىن قىممەت باھالىق ئەتىردىن ئاز كەم بىر قاداق ئەكېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ پۇتلىرىغا قۇيدى ۋە چاچلىرى بىلەن ئەتىرنى ئۇنىڭ پۇتلىرىغا سۈردى. ئۆي ئەتىرنىڭ خۇش پۇرىقى بىلەن تولدى. لېكىن، ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىدىن بىرى، يەنى كېيىن ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان يەھۇدا ئىشقارىيوت: - بۇ ئەتىرنىڭ قىممىتى بىر ئادەمنىڭ يىللىق كىرىمىگە تەڭ كېلىدىكەن! نېمىشقا بۇ ئەتىر سېتىلىپ، پۇلى كەمبەغەللەرگە بېرىلمىدى؟ - دېدى. بۇ سۆزنى ئۇ كەمبەغەللەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، ئوغرى بولغانلىقى ئۈچۈن دېگەنىدى. ئۇ شاگىرتلارنىڭ ئورتاق پۇلىنى باشقۇراتتى ۋە ئوغرىلاپ خەجلەيتتى. - ئايالنىڭ ئىختىيارىغا قويۇۋەت! - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - ئۇ بۇ ئارقىلىق مېنىڭ دەپنە قىلىنىدىغان كۈنۈمگە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. كەمبەغەللەر ھەر دائىم ئاراڭلاردا، لېكىن مەن ھەر دائىم ئاراڭلاردا بولمايمەن. زور بىر تۈركۈم يەھۇدىيلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ بەيتانىيادا ئىكەنلىكىنى ئاڭلىدى ۋە يالغۇز ھەزرىتى ئەيسانى ئەمەس، ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن لازارنىمۇ كۆرۈش ئۈچۈن ئۇ يەرگە كەلدى. ئالىي روھانىيلار بولسا لازارنىمۇ ئۆلتۈرۈشنى قەستلىدى. چۈنكى، ئۇنىڭ سەۋەبىدىن نۇرغۇن يەھۇدىيلار ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىۋاتاتتى. ئەتىسى، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشكە كەلگەن زور بىر تۈركۈم خالايىق ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېرۇسالېمغا كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. ئۇلار قوللىرىغا خورما شاخلىرىنى تۇتۇشقان ھالدا ئۇنى قارشى ئالغىلى چىقىشتى ۋە «خۇداغا شۈكۈر! پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن! ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھىغا مۇبارەك بولسۇن!» دەپ ۋارقىراشتى. ھەزرىتى ئەيسا بىر تەخەي تېپىپ مىندى. بۇ ئىشنى زەكەرىيا پەيغەمبەر خېلى بۇرۇن ئالدىن ئېيتىپ، مۇنداق يازغانىدى: «ئەي يېرۇسالېم خەلقى، ئەمدى قورقماڭلار! مانا، پادىشاھىڭلار تەخەي مىنىپ كېلىۋاتىدۇ.» ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئۇ چاغدا بۇنى چۈشەنمىگەنىدى، لېكىن ھەزرىتى ئەيسا تىرىلىش ۋە ئاسمانغا چىقىش بىلەن ئۇلۇغلانغاندىن كېيىن، زەكەرىيا پەيغەمبەر يازغان بۇ سۆزلەرنى ھەمدە بۇ ئىش دەل پەيغەمبەر ئالدىن ئېيتقاندەك چىققانلىقىنى تونۇپ يەتتى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ لازارنى يەرلىكىدىن چاقىرىپ تىرىلدۈرگەنلىكىنى كۆرگەن كىشىلەر بۇ مۆجىزە توغرىسىدا باشقىلارغا توختىماستىن خەۋەر قىلدى. خالايىق ھەزرىتى ئەيسانىڭ ياراتقان بۇ مۆجىزىسىنى ئاڭلىغاچقا، ئۇنى قارشى ئالغىلى چىقىشتى. پەرىسىيلەر بولسا بىر-بىرىگە: - قاراڭلار، بىزنىڭ قىلغىنىمىز بىكار كەتتى! مانا ئەمدى پۈتۈن دۇنيا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەتمەكتە! - دېيىشتى. ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا، يېرۇسالېمغا ئىبادەت قىلغىلى كەلگەنلەر ئىچىدە يەھۇدىي دىنىغا كىرگەن بەزى گرېكلارمۇ بار ئىدى. بۇلار جەلىلىيىنىڭ بەيتسايدا يېزىسىدىن بولغان فىلىپنىڭ يېنىغا كېلىپ: - جانابلىرى، بىز ھەزرىتى ئەيسا بىلەن كۆرۈشمەكچىدۇق، - دەپ تەلەپ قىلىشتى. فىلىپ بېرىپ بۇنى ئەندەرگە مەلۇم قىلدى. ئاندىن، ئۇلار ئىككىسى ھەزرىتى ئەيساغا خەۋەر قىلدى. ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - ئىنسانئوغلىنىڭ شان-شەرەپكە ئىگە بولىدىغان ۋاقىت-سائىتى يېقىنلىشىپ قالدى. بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇغداي دېنى توپىغا تاشلىنىپ قۇربان بولمىغۇچە، يەنىلا بىر تال دان پېتى تۇرىدۇ. قۇربان بولسا، بىخ سۈرۈپ، كۆپ ھوسۇل بېرىدۇ. ھاياتىنى ئايىغانلار ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ. لېكىن، بۇ دۇنيادا ھاياتىنى ئايىمىغانلار ئۇنى مەڭگۈ ساقلىيالايدۇ. كىمدەكىم ماڭا خىزمەت قىلىشنى خالىسا، ماڭا ئەگەشسۇن. مەن قەيەردە بولسام، مېنىڭ چاكىرىم شۇ يەردە بولىدۇ. ماڭا خىزمەت قىلغۇچىلارنى ئەرشتىكى ئاتام ھۆرمەتلەيدۇ. - ھازىر كۆڭلۈم قاتتىق ئازابلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا نېمە دېيىشىم كېرەك؟ «ئاتا، مېنى كېلىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلىك ۋاقىت-سائەتتىن قۇتقۇز!» دەيمۇ؟ ياق! مەن شۇ ۋاقىت-سائەتنى بېشىمدىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كەلدىم. ئاتا، ئۇلۇغلۇقۇڭنى كۆرسەتكىن! شۇ ۋاقىتتا، ئەرشتىن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى: - ئۇلۇغلۇقۇمنى كۆرسەتتىم ۋە يەنە كۆرسىتىمەن. شۇ مەيداندىكى بۇنى ئاڭلىغان خالايىق: - ھاۋا گۈلدۈرلىدى، - دېيىشتى. يەنە بەزىلەر بولسا: - بىر پەرىشتە ئۇنىڭغا گەپ قىلدى، - دېيىشتى. بىراق، ھەزرىتى ئەيسا: - بۇ سۆزلەر مېنى دەپ ئەمەس، سىلەرنى دەپ ئېيتىلغان. بۇ دۇنيا ئەمدى سوراققا تارتىلىدۇ. بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى - شەيتانمۇ ئەمدى ئاغدۇرۇلىدۇ. مەن يەردىن كۆتۈرۈلگىنىمدە، پۈتكۈل ئىنسانلارنى ئۆزۈمگە جەلپ قىلىمەن، - دېدى. (ئۇ بۇنى دېيىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قانداق ئۆلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.) خالايىق بۇ گەپلەرنى چۈشەنمەي، ھەزرىتى ئەيسادىن: - مۇقەددەس يازمىلاردا: «قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئۆلمەي مەڭگۈ ھايات تۇرىدۇ» دېيىلگەن تۇرسا، سىز قانداقسىگە «ئىنسانئوغلى كۆتۈرۈلۈشى كېرەك» دېيەلەيسىز؟! ئىنسانئوغلى زادى كىم بولىدۇ؟ - دەپ سورىدى. - نۇرنىڭ ئاراڭلاردا چاقنايدىغان ۋاقتى ئۇزۇن ئەمەستۇر. شۇڭا، قاراڭغۇلۇقنىڭ سىلەرنى بېسىۋالماسلىقى ئۈچۈن، نۇر بار ۋاقتىدا داۋاملىق مېڭىڭلار. قاراڭغۇلۇقتا ماڭغان كىشى ئۆزىنىڭ قەيەرگە كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ. شۇڭلاشقا، نۇر ئاراڭلاردا بار ۋاقىتتا، ئۇنىڭغا ئىشىنىڭلار. بۇنىڭ بىلەن، نۇرنىڭ پەرزەنتلىرى بولىسىلەر، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، خالايىقتىن ئايرىلىپ يوشۇرۇنۇۋالدى. گەرچە ئۇ خالايىقنىڭ كۆز ئالدىدا شۇنچە مۆجىزە كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلمىدى. بۇ ئەھۋال دەل يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىدا ئالدىنئالا كۆرسىتىلگەندەك چىقتى: «ئى پەرۋەردىگار، بىز يەتكۈزگەن سۆزلەرگە كىم ئىشەندى؟ سېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىڭ كىمگە كۆرسىتىلدى؟» يەشايا پەيغەمبەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ سۆزلەرنى ئۇنىڭغا قارىتا ئالدىنئالا ئېيتقانىدى. ۋەھالەنكى، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر، ھەتتا يەھۇدىي ئاقساقاللىرىمۇ ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. لېكىن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پەرىسىيلەر تەرىپىدىن ئىبادەتخانا جامائەتچىلىكىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلمەسلىكى ئۈچۈن، ئېتىقاد قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى. بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇلار ئىنساندىن كېلىدىغان ماختاشنى خۇدادىن كېلىدىغان ماختاشتىنمۇ ياخشى كۆرەتتى. ھەزرىتى ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى: - ماڭا ئېتىقاد قىلغانلار ماڭىلا ئەمەس، مېنى ئەۋەتكۈچىگە ئېتىقاد قىلغان بولىدۇ. مېنى كۆرگەنلەر مېنى ئەۋەتكۈچىنىمۇ كۆرگەن بولىدۇ. مەن ماڭا ئېتىقاد قىلغانلار قاراڭغۇلۇقتا قالمىسۇن دەپ، دۇنياغا نۇر بولۇپ كەلدىم. سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ، سۆزلىرىمگە ئەمەل قىلمىغانلارنى سوراققا تارتمايمەن، چۈنكى مەن ئىنسانلارنى سوراققا تارتقىلى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى قۇتقۇزغىلى كەلدىم. بىراق، مېنى رەت قىلغانلارنى ۋە سۆزلىرىمنى قوبۇل قىلمىغانلارنى سوراققا تارتقۇچى بار. ئۇ بولسىمۇ ئېيتقان سۆزلىرىم بولۇپ، ئۇ قىيامەت كۈنى كىشىلەرنى سوراققا تارتىدۇ. چۈنكى، مەن ئۆزلۈكۈمدىن سۆزلىگىنىم يوق. نېمىنى سۆزلىشىم ۋە قانداق سۆزلىشىم كېرەكلىكىنى مېنى ئەۋەتكەن ئاتام ماڭا بۇيرۇدى. ئۇنىڭ بۇيرۇقىنىڭ مەڭگۈلۈك ھايات ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلىمەن. شۇڭا، نېمىنى سۆزلىسەم، خۇدائاتامنىڭ ماڭا بۇيرۇغىنىدەك سۆزلەيمەن. ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ھارپىسى ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ، ئاتىسىنىڭ يېنىغا كېتىدىغان ۋاقىتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدى. ئۇ بۇ دۇنيادىكى ئۆز ئادەملىرىگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى بۇرۇنلا كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلۇقىنى ئەمدى تولۇق كۆرسەتمەكچىدى. ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن كەچلىك تاماقتا بىللە بولدى. شەيتان ئاللىبۇرۇن سىمۇننىڭ ئوغلى يەھۇدا ئىشقارىيوتنىڭ كۆڭلىگە ھەزرىتى ئەيسانى يەھۇدىي ئاقساقاللىرىغا تۇتۇپ بېرىش ۋەسۋەسىسىنى سالغانىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئاتىسىنىڭ ھەممە ھوقۇقنى ئۆزىگە ئامانەت قىلغانلىقىنى، ئاتىسى خۇدانىڭ يېنىدىن كېلىپ، خۇدانىڭ يېنىغا كېتىدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئۇ داستىخاندىن تۇرۇپ، تونىنى يېشىپ، بىر لۆڭگە بىلەن بېلىنى باغلىدى. ئاندىن، بىر جاۋۇرغا سۇ قۇيۇپ، شاگىرتلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇشقا ۋە بېلىگە باغلىغان لۆڭگە بىلەن ئېرتىپ قۇرۇتۇشقا باشلىدى. نۆۋەت سىمۇن پېترۇسقا كەلگەندە، پېترۇس: - ئى رەببىم، پۇتۇمنى سىز يۇسىڭىز قانداق بولغىنى؟! - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - نېمە قىلىۋاتقىنىمنى ھازىر چۈشەنمەيسەن، لېكىن كېيىن چۈشىنىسەن، - دېدى. - مەن پۇتۇمنى ھەرگىز سىزگە يۇغۇزمايمەن! - دېدى پېترۇس. - پۇتۇڭنى يۇمىسام، سەن مەن بىلەن بىرگە بولالمايسەن، - دېگەن جاۋابنى قايتۇردى ھەزرىتى ئەيسا. سىمۇن پېترۇس: - ئى رەببىم، ئۇنداقتا پۇتلىرىمنىلا ئەمەس، قوللىرىمنىمۇ، بېشىمنىمۇ يۇغايسىز! - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - يۇيۇنۇپ بولغان ئادەمنىڭ قايتا يۇيۇنۇشىنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەت پۇتلىرىنى يۇسىلا، پۈتۈن ئەزاسى پاك بولىدۇ. سىلەرمۇ گۇناھلىرىڭلاردىن پاك، لېكىن ھەممىڭلار ئەمەس، - دېدى. (ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنى كىمنىڭ تۇتۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ ھەممىسىنىڭلا پاك ئەمەسلىكىنى دېگەنىدى.) ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، تونىنى كىيىپ يەنە داستىخانغا ئولتۇردى ۋە ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - سىلەر نېمە قىلغانلىقىمنى چۈشەندىڭلارمۇ؟ سىلەر مېنى «رەببىم» ۋە «ئۇستازىم» دەيسىلەر. راست ئېيتىسىلەر، ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق. مەن رەببىڭلار ۋە ئۇستازىڭلار تۇرۇقلۇق پۇتلىرىڭلارنى يۇغاندىكىن، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇشۇڭلار كېرەك. بۇ سىلەرنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش باشقىلارغا خىزمەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئۈلگەمدۇر. بىلىپ قويۇڭلاركى، قۇل خوجايىنىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ، ئەلچىمۇ ئۆزىنى ئەۋەتكۈچىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ. بۇ ئىشلارنى بىلگەنىكەنسىلەر، سىلەرمۇ شۇنداق قىلساڭلار، نەقەدەر بەختلىكسىلەر! «سىلەر گۇناھلىرىڭلاردىن پاك» دېگەن سۆزۈم ھەممىڭلارغا قارىتىلغان ئەمەس. مەن تاللىغانلىرىمنى بىلىمەن، لېكىن مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن ئېيتىلغان: «مەن بىلەن ھەمداستىخان بولۇپ، نېنىمنى يېگەن دوستۇم مەندىن يۈز ئۆرۈدى!» دېگەن بۇ سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى كېرەك. سىلەرگە بۇ ئىش يۈز بېرىشتىن ئاۋۋال ئېيتىپ قويايكى، ئۇ ئىشلار يۈز بەرگەندە مېنىڭ «مەڭگۈ بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىمگە ئىشىنىسىلەر. يەنە شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، مەن ئەۋەتكەن ھەرقانداق بىر كىشىنى قوبۇل قىلغانلار مېنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. مېنى قوبۇل قىلغانلار بولسا مېنى ئەۋەتكۈچى خۇدانى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، قاتتىق ئازابلانغان ھالدا ئوچۇقىنى ئېيتتى: - بىلىپ قويۇڭلاركى، ئاراڭلاردا بىرەيلەن ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ! شاگىرتلار كىمنى دەۋاتقانلىقىنى چۈشەنمەي، بىر-بىرىگە قاراشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ دەپ قارالغان شاگىرت ئۇنىڭ يېنىدا يانپاشلاپ ياتاتتى. سىمۇن پېترۇس ئۇنىڭغا ھەزرىتى ئەيسادىن كىمنى دېمەكچى بولغانلىقىنى سوراپ بېقىشنى ئىشارەت قىلدى. شۇڭا، ئۇ ھەزرىتى ئەيساغا يېقىن كېلىپ، تۆۋەن ئاۋازدا: - ئى رەببىم، سىزگە ساتقۇنلۇق قىلىدىغان كىم؟ - دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا: - بىر چىشلەم ناننى ئاشقا تۆگۈرۈپ كىمگە سۇنسام، شۇ، - دەپ جاۋاب بەردى. كېيىن، ئۇ ناننى ئاشقا تۆگۈرۈپ، سىمۇننىڭ ئوغلى يەھۇدا ئىشقارىيوتقا سۇندى. يەھۇدا ناننى ئېلىشىغىلا ئىچىگە شەيتان كىردى. - قىلىدىغىنىڭنى چاپسان قىل، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا. داستىخاندا ئولتۇرغانلارنىڭ ھېچقايسىسى ھەزرىتى ئەيسانىڭ يەھۇداغا بۇ سۆزلەرنى نېمە ئۈچۈن قىلغانلىقىنى چۈشەنمىدى. ئۇلارنىڭ ئورتاق پۇلى يەھۇدادا بولغانلىقتىن، بەزىلەر ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: «ھېيتلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ كەل» ياكى «كەمبەغەللەرگە بىر نەرسە بەر» دېمەكچى بولسا كېرەك، دەپ ئويلاشتى. يەھۇدا ناننى ئېلىپلا تاشقىرىغا چىقىپ كەتتى. بۇ چاغ كېچە ئىدى. يەھۇدا تاشقىرىغا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - ئەمدى ئىنسانئوغلىنىڭ شان-شەرىپى كۆرۈنىدىغان ۋاقىت-سائەت يېتىپ كەلدى. ئۇ ئارقىلىق خۇدانىڭ شان-شەرىپىمۇ ئايان بولىدۇ. خۇدانىڭ شان-شەرىپى ئۇ ئارقىلىق ئايان بولغانىكەن، خۇدا ئۆزىمۇ ئىنسانئوغلىنىڭ شان-شەرىپىنى دەرھال ئايان قىلىدۇ. بالىلىرىم، مېنىڭ ئەمدى سىلەر بىلەن بىللە بولىدىغان ۋاقتىم ئاز قالدى. كېيىن، سىلەر مېنى ئىزدەيسىلەر، لېكىن يەھۇدىي ئاقساقاللىرىغا ئېيتقىنىمدەك سىلەرگىمۇ ئېيتىمەنكى، مەن بارىدىغان يەرگە سىلەر بارالمايسىلەر. ھازىر سىلەرگە يېڭى بىر ئەمر بېرىمەن. «بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار. سىلەرنى سۆيگىنىمدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار.» بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببىتىڭلار بولسا، ھەممەيلەن سىلەرنىڭ مېنىڭ شاگىرتلىرىم ئىكەنلىكىڭلارنى تونۇيدۇ. سىمۇن پېترۇس ھەزرىتى ئەيسادىن: - ئى رەببىم، قەيەرگە بارىسىز؟ - دەپ سورىدى. - مەن كېتىدىغان يەرگە ھازىرچە ئەگىشىپ بارالمايسەن، لېكىن كېيىن بارىسەن، - دەپ جاۋاب بەردى ھەزرىتى ئەيسا. پېترۇس ئۇنىڭغا: - ئى رەببىم، نېمە ئۈچۈن ھازىر سىزنىڭ كەينىڭىزدىن بارالمايمەن؟ سىز ئۈچۈن جېنىم پىدا! - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - مەن ئۈچۈن راستتىنلا جېنىڭ پىدامۇ؟ بىلىپ قويغىنكى، خوراز چىللاشتىن بۇرۇن، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن! ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا يەنە مۇنداق دېدى: - كۆڭلۈڭلارنى بىئارام قىلماڭلار! خۇداغا ئىشىنىڭلار، ماڭىمۇ ئىشىنىڭلار. خۇدائاتامنىڭ دەرگاھىدا نۇرغۇن ئۆي-ماكانلار بار. ئۇنداق بولمىسا، بۇنى سىلەرگە ئېيتىپ يۈرمىگەن بولاتتىم. مەن ھەربىرىڭلارغا ئورۇن تەييارلاش ئۈچۈن، شۇ يەرگە كېتىپ بارىمەن. مەن تەييارلىق قىلغىلى بارىدىغانىكەنمەن، چوقۇم قايتىپ كېلىپ، سىلەرنى مەن بىلەن بىللە ئېلىپ كېتىمەن. شۇنداق بولغاندا، مەن قەيەردە بولسام، سىلەرمۇ شۇ يەردە بولىسىلەر. سىلەر مېنىڭ قەيەرگە كېتىدىغانلىقىمنى ۋە ئۇ يەرگە بارىدىغان يولنى بىلىسىلەر. - ئى رەببىم، سىزنىڭ قەيەرگە كېتىدىغانلىقىڭىزنى بىلمەيمىز. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇ يولنى قانداق بىلىمىز؟ - دېدى توماس. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - يول، ھەقىقەت ۋە ھاياتلىق ئۆزۈمدۇرمەن. مېنىڭسىز ھېچكىم خۇدائاتامنىڭ يېنىغا بارالمايدۇ. ئەگەر مېنى تونۇغان بولساڭلار، ئاتامنىمۇ تونۇغان بولاتتىڭلار. ھازىردىن باشلاپ ئۇنى تونۇدۇڭلار ھەم ئۇنى كۆردۈڭلار، - دېدى. - ئى رەببىم، ئاتىڭىزنى كۆرسىتىپ قويسىڭىزلا، رازى بولاتتۇق، - دېدى فىلىپ. - فىلىپ، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - سىلەر بىلەن بىرگە بولغىنىمغا تالاي ۋاقىت بولدى، مېنى تېخىچە تونۇمىدىڭمۇ؟ مېنى كۆرگەن كىشى ئاتام خۇدانى كۆرگەن بولىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، سەن نېمىشقا يەنە: «بىزگە ئاتىڭىزنى كۆرسىتىڭ» دەيسەن؟ مەن ئاتامدا، ئاتام مەندە ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەمسەن؟ سىلەرگە ئېيتقان سۆزلىرىمنى ئۆزلۈكۈمدىن ئېيتقىنىم يوق، بەلكى مېنىڭ ئاتام ئېيتقان. ئۇ مەندە تۇرۇپ خىزمەتلىرىنى قىلىۋاتىدۇ. «مەن ئاتامدا، ئاتام مەندە» دېگىنىمگە ئىشىنىڭلار. ھېچبولمىغاندا، مېنىڭ قىلغانلىرىمدىن ماڭا ئىشىنىڭلار. بىلىپ قويۇڭلاركى، ماڭا ئىشەنگەن كىشى مېنىڭ ئەمەلىيىتىمدەك قىلالايدۇ. مۇنداق كىشى بۇنىڭدىنمۇ ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىدۇ، چۈنكى مەن ئاتامنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتىمەن. مېنىڭ نامىم بىلەن نېمىنى تىلىسەڭلار، ئۆز ئاتامنىڭ ئۇلۇغلۇقى مەن ئارقىلىق ئايان بولسۇن ئۈچۈن، تىلەكلىرىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن. مېنىڭ نامىم بىلەن نېمە تىلىسەڭلار، مەن سىلەرگە شۇنى بېرىمەن. ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا يەنە مۇنداق دېدى: - مېنى سۆيسەڭلار، ئەمرلىرىمگە ئەمەل قىلىسىلەر. مەنمۇ خۇدائاتامدىن سىلەرگە باشقا بىر ياردەمچى ئاتا قىلىشنى تىلەيمەن. ئۇ سىلەر بىلەن مەڭگۈ بىرگە تۇرىدۇ. ئۇ بولسىمۇ ھەقىقەتكە باشلىغۇچى - مۇقەددەس روھتۇر. ئۇنى بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى قوبۇل قىلالمايدۇ، چۈنكى ئۇنى كۆرمەيدۇ، تونۇمايدۇ. بىراق، سىلەر ئۇنى تونۇيسىلەر، چۈنكى ئۇ دائىم سىلەر بىلەن بىللە تۇرىدۇ ھەم سىلەردە ياشىماقچى. مەن سىلەردىن ئايرىلغاندا، سىلەرنى يېتىم قالدۇرمايمەن. سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا يەنە قايتىپ كېلىمەن. ئاز ۋاقىتتىن كېيىن، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى مېنى كۆرمەيدۇ، لېكىن سىلەر كۆرىسىلەر. مەن ھايات بولغانلىقىم ئۈچۈن، سىلەرمۇ ھايات بولىسىلەر. شۇ ۋاقىت كەلگەندە بىلىسىلەركى، مەن ئاتامدا بولىمەن، سىلەر مەندە بولىسىلەر، مەنمۇ ھەم سىلەردە بولىمەن. كىم ئەمرلىرىمنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلسا، مېنى سۆيىدىغان كىشى شۇ بولىدۇ. مېنى سۆيىدىغان كىشىنى ئاتاممۇ سۆيىدۇ، مەنمۇ ئۇنى سۆيىمەن ۋە ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا ئايان قىلىمەن. يەھۇدا ئىسىملىك باشقا بىر شاگىرت (يەھۇدا ئىشقارىيوت ئەمەس) ھەزرىتى ئەيسادىن: - ئى رەببىم، نېمە ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرىگە ئايان قىلماي، بىزگىلا ئايان قىلىسىز؟ - دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى: - مېنى سۆيىدىغان كىشى دېگىنىمنى قىلىدۇ، ئاتاممۇ ئۇنى سۆيىدۇ. ئاتام بىلەن ئىككىمىز مۇنداق كىشىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماكان قۇرىمىز. مېنى سۆيمەيدىغان كىشى دېگىنىمنى قىلمايدۇ. سىلەر ئاڭلاۋاتقان سۆزلەر مېنىڭ ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكەن ئاتامنىڭكىدۇر. مەن سىلەر بىلەن بىللە بولۇۋاتقان چېغىمدا، سىلەرگە بۇلارنى دېدىم. لېكىن، ئاتام مېنىڭ نامىم بىلەن ئەۋەتىدىغان ياردەمچى، يەنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس روھى سىلەرگە ھەممىنى ئۆگىتىدۇ ھەم مېنىڭ ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىمنى ئېسىڭلارغا سالىدۇ. سىلەرگە ئامانلىق قالدۇرىمەن، ئۆز ئامانلىقىمنى سىلەرگە تەقدىم قىلىمەن. مېنىڭ سىلەرگە تەقدىم قىلغىنىم بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرىنىڭ سىلەرگە بەرگىنىگە ئوخشىمايدۇ. كۆڭلۈڭلارنى بىئارام قىلماڭلار، قورقماڭلار. سىلەر مېنىڭ: «مەن سىلەردىن ئايرىلىپ كېتىمەن، كېيىن سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا قايتىپ كېلىمەن» دېگەن سۆزۈمنى ئاڭلىدىڭلار. مېنى سۆيسەڭلار، ئاتامنىڭ يېنىغا كېتىدىغانلىقىم ئۈچۈن خۇشال بولاتتىڭلار. چۈنكى، ئاتام مەندىن ئۇلۇغدۇر. سىلەرنى بۇ ئىشلار يۈز بەرگەندە ماڭا ئىشەنسۇن دەپ، بۇلارنى سىلەردىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئېيتتىم. سىلەر بىلەن سۆزلىشىدىغان ۋاقىت كۆپ قالمىدى. چۈنكى بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى - شەيتان كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ مېنى بېسىپ چۈشكۈدەك قۇدرىتى ئەسلا يوقتۇر. لېكىن، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى مېنىڭ ئاتامنى سۆيىدىغانلىقىمنى بىلسۇن دەپ، ئاتام ماڭا ئەمر قىلغان ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. تۇرۇڭلار، بۇ جايدىن كېتەيلى. ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى: - ھەقىقىي «ئۈزۈم تېلى» ئۆزۈمدۇرمەن، ئاتام خۇدا بولسا باغۋەندۇر. باغۋەن مەندىكى مېۋە بەرمەيدىغان ھەربىر شاخنى كېسىپ تاشلايدۇ. مېۋە بەرگەنلىرىنى بولسا تېخىمۇ كۆپ مېۋە بەرسۇن دەپ، پۇتاپ تۇرىدۇ. سىلەر پۇتالغان شاخلارغا ئوخشاش بولۇپ، مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن سۆزلەر ئارقىلىق ئاللىبۇرۇن پاك بولدۇڭلار. سىلەر مەندە بولۇڭلار. مەنمۇ سىلەردە بولىمەن. شاخ تالدا بولماي تۇرۇپ ئۆزلۈكىدىن مېۋە بېرەلمەيدىغىنىدەك، سىلەرمۇ مەندە بولمىساڭلار، مېۋە بېرەلمەيسىلەر. «ئۈزۈم تېلى» ئۆزۈمدۇرمەن. سىلەر بولساڭلار شاخلىرىسىلەر. كىم مەندە بولسا، مەنمۇ ئۇنىڭدا بولىمەن. شۇنداق بولغاندا، ئۇ كۆپ مېۋە بېرىدۇ. چۈنكى، خۇدا ياقتۇرىدىغان ھەرقانداق ئىشنى مەنسىز قىلالمايسىلەر. مەندە بولمىغان كىشى كېرەكسىز شاخلارغا ئوخشاش تاشلىۋېتىلىپ، قۇرۇپ كېتىدۇ. بۇنداق شاخلار يىغىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ. سىلەر مەندە بولساڭلار ۋە سۆزلىرىم سىلەردە ساقلانسا، نېمىنى تەلەپ قىلساڭلار، شۇنىڭغا ئېرىشىسىلەر. سىلەر كۆپ مېۋە بېرىشىڭلار ئارقىلىق مېنىڭ شاگىرتلىرىم ئىكەنلىكىڭلارنى ئىسپاتلايسىلەر. بۇ، ئاتامغا شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ. ئاتام مېنى سۆيگىنىدەك، مەنمۇ سىلەرنى سۆيدۈم، مېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىمدە بولۇڭلار. ئەگەر ئەمرلىرىمگە ئەمەل قىلساڭلار، خۇددى مەن ئاتامنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغان ۋە ھەمىشە ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدە بولغىنىمدەك، سىلەرمۇ ھەمىشە مېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىمدە بولىسىلەر. بۇلارنى سىلەرگە خۇشاللىقىمدىن بەھرىمەن بولسۇن ۋە خۇشاللىقى تولۇپ تاشسۇن، دەپ ئېيتتىم. مېنىڭ ئەمرىم شۇكى، مەن سىلەرگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەندەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار. ئۆز دوستلىرى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشتىن چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەت يوقتۇر. سىلەرگە بۇيرۇغان ئەمرلىرىمنى ئادا قىلساڭلار، مېنىڭ دوستلىرىم بولىسىلەر. ئەمدى سىلەرنى «چاكار» دېمەيمەن. چۈنكى، چاكار خوجايىنىنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا سىلەرنى «دوست» دەيمەن، چۈنكى ئاتامدىن ئاڭلىغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى سىلەرگە يەتكۈزدۈم. سىلەر مېنى تاللىغىنىڭلار يوق، ئەكسىچە مەن سىلەرنى تاللىدىم. مەن سىلەرنى مېۋە بەرسۇن ھەمدە مېۋىلىرىڭلار مەڭگۈ ساقلانسۇن، دەپ تەيىنلىدىم. مۇشۇنداق مېۋە بەرگىنىڭلاردا، مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتامدىن نېمە تىلىسەڭلار، ئاتام شۇنى بېرىدۇ. سىلەرگە شۇنى ئەمر قىلىمەنكى، بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار. - بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى سىلەردىن نەپرەتلەنسە، سىلەردىن ئاۋۋال مەندىن نەپرەتلەنگەنلىكىنى بىلىڭلار. سىلەرمۇ بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرىدىن بولغان بولساڭلار، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى سىلەرنى ئۆزىنىڭ دەپ، سۆيگەن بولاتتى. بىراق، مەن سىلەرنى بۇ پانىي دۇنيادىن ئايرىپ تاللىغانلىقىم ئۈچۈن، ئەمدى بۇ دۇنياغا مەنسۇپ ئەمەسسىلەر. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى سىلەردىن نەپرەتلىنىدۇ. مەن سىلەرگە ئېيتقان سۆزنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار: «قۇل خوجايىنىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ.» ماڭا زىيانكەشلىك قىلغانلار سىلەرگىمۇ زىيانكەشلىك قىلىدۇ. مېنىڭ سۆزۈمگە ئەمەل قىلغانلار سىلەرنىڭكىگىمۇ ئەمەل قىلىدۇ. مېنىڭ نامىم سەۋەبىدىن ئۇلار سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار مېنى ئەۋەتكۈچىنى تونۇمايدۇ. ئەگەر مەن كېلىپ ئۇلارغا تەلىم بەرمىگەن بولسام، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى گۇناھ دەپ قارالمايتتى. لېكىن، ھازىر ئۇلار ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى بىلمىدۇق، دېيەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ مەندىن نەپرەتلەنگەنلىكى ئاتامدىنمۇ نەپرەتلەنگەنلىكى بولىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا باشقا ھېچكىم قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى قىلمىغان بولسام، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى گۇناھ دەپ قارالمايتتى. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار مېنىڭ قىلغان ئىشلىرىمنى كۆرگەن، شۇنداقتىمۇ يەنە مەندىن ۋە ئاتامدىن نەپرەتلەندى. لېكىن بۇنىڭ بىلەن، مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغان: «ھېچقانداق سەۋەبسىزلا مەندىن نەپرەتلەندى» دېگەن سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. مەن سىلەرگە ئاتامنىڭ يېنىدىن ياردەمچى، يەنى ھەقىقەتكە باشلىغۇچى - مۇقەددەس روھنى ئەۋەتىمەن. ئۇ ئاتامنىڭ يېنىدىن كېلىپ، ماڭا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. سىلەرمۇ ماڭا گۇۋاھلىق بېرىسىلەر، چۈنكى سىلەر باشتىن تارتىپ مەن بىلەن بىللە بولدۇڭلار. - بۇلارنى سىلەرگە ئېتىقادىنى تاشلاپ قويمىسۇن، دەپ ئېيتتىم. سىلەر ئىبادەتخانا جامائەتچىلىكىڭلاردىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلىسىلەر ھەمدە شۇنداق بىر ۋاقىت-سائەتلەر كېلىدۇكى، سىلەرنى ئۆلتۈرىدىغانلار ئۆزلىرىنى خۇداغا خىزمەت قىلىۋاتىمەن، دەپ ھېسابلايدۇ. ئۇلار بۇلارنى يا ئاتامنى، يا مېنى تونۇمىغانلىقى ئۈچۈن قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتىمەنكى، ئۇلار سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغاندا، مېنىڭ ئاگاھلاندۇرغانلىقىمنى ئېسىڭلارغا كەلتۈرۈڭلار. - مەن دەسلەپتە بۇلارنى سىلەرگە ئېيتمىدىم، چۈنكى سىلەر بىلەن بىللە ئىدىم. لېكىن، ئەمدى مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتىمەن. شۇنداق بولسىمۇ، ئاراڭلاردىن ھېچكىم مەندىن: «نەگە كېتىسىز؟» دەپ سورىمايۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئورنىغا، سىلەرگە بۇلارنى ئېيتقانلىقىم ئۈچۈن، قەلبىڭلار ھەسرەت بىلەن تولدى. بىلىپ قويۇڭلاركى، مېنىڭ كېتىشىم سىلەرگە پايدىلىق. كەتمىسەم، سىلەرگە ياردەمچى كەلمەيدۇ. ئەمما كەتسەم، ئۇنى سىلەرگە ئەۋەتىمەن. ئۇ كەلگەندە، بۇ دۇنيادىكى كىشىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىگە، مېنىڭ ھەققانىيلىقىمغا ۋە ئاخىرقى زاماندىكى سوئال-سوراقنىڭ بولىدىغانلىقىغا قايىل قىلىدۇ. ئۇلار گۇناھكار ئىكەنلىكىگە قايىل بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلار ماڭا ئېتىقاد قىلمىدى. ئۇلار مېنىڭ ھەققانىيلىقىمغا قايىل بولىدۇ. چۈنكى، مەن ھەققانىيمەن ھەم شۇڭا ئاتامنىڭ يېنىغا قايتىشقا لايىقتۇرمەن. شۇنداق قىلىپ، سىلەر مېنى كۆرەلمەيسىلەر. ئۇلار ئاخىرقى زاماندىكى سوئال-سوراقنىڭ چوقۇم بولىدىغانلىقىغا قايىل بولىدۇ. چۈنكى، خۇدا بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى بولغان شەيتاننى سوراققا تارتتى. سىلەرگە ئېيتىدىغان يەنە كۆپ سۆزلىرىم بار ئىدى. بىراق، سىلەر ئۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەيسىلەر. لېكىن، ھەقىقەتكە باشلىغۇچى - مۇقەددەس روھ كەلگەندە، سىلەرگە بارلىق ھەقىقەتنى ئۆگىتىدۇ. ئۇ ئۆزلۈكىدىن سۆزلىمەيدۇ؛ ئەكسىچە، ئاتام ئىككىمىزنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن سۆزلەيدۇ ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى سىلەرگە يەتكۈزىدۇ. ئۇ مەندە بار بولغاننى سىلەرگە يەتكۈزۈپ، مېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇمنى ئايان قىلىدۇ. ئاتامدا بار بولغاننىڭ ھەممىسى ھەم مېنىڭدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇقەددەس روھ مەندە بار بولغاننى سىلەرگە يەتكۈزىدۇ، دەپ ئېيتتىم. - ئاز ۋاقىتتىن كېيىن، مېنى كۆرمەيسىلەر. يەنە بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، مېنى قايتا كۆرىسىلەر. شاگىرتلارنىڭ بەزىلىرى بىر-بىرىگە: - بۇ قانداق گەپ؟ ئۇ بىزگە: «ئاز ۋاقىتتىن كېيىن، مېنى كۆرمەيسىلەر. يەنە بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، مېنى قايتا كۆرىسىلەر» دەيدۇ. ئۇ يەنە: «چۈنكى، مەن ئاتامنىڭ يېنىغا كېتىمەن» دەيدۇ. «ئاز ۋاقىتتىن كېيىن» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى زادى نېمىدۇ! ئۇنىڭ نېمىلەرنى دەۋاتقانلىرىنى بىلەلمىدۇق، - دېيىشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ سورىماقچى بولغان سوئالىنى بىلىپ، مۇنداق دېدى: - مېنىڭ «ئاز ۋاقىتتىن كېيىن، مېنى كۆرمەيسىلەر. يەنە بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، مېنى كۆرىسىلەر» دېگىنىمنىڭ مەنىسىنى بىر-بىرىڭلاردىن سوراۋاتامسىلەر؟ بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر يىغا-زار قىلىپ قايغۇرىسىلەر، لېكىن بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى خۇشال بولۇشۇپ كېتىدۇ. سىلەر بولساڭلار، قايغۇرىسىلەر، لېكىن قايغۇلىرىڭلار خۇشاللىققا ئايلىنىدۇ. ئايال تۇغۇتتا ئازابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىك ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلگەن. لېكىن، بوۋىقى تۇغۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، بىر پەرزەنتنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ خۇشاللىقى بىلەن، تارتقان ئازابىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ھازىر ئازابلىنىۋاتىسىلەر، لېكىن مەن سىلەر بىلەن قايتا كۆرۈشىمەن. شۇ چاغدا، قەلبىڭلار خۇشاللىققا چۆمىدۇ. خۇشاللىقىڭلارنى ھېچكىم سىلەردىن تارتىۋالالمايدۇ. بىلىپ قويۇڭلاركى، شۇ ۋاقىت كەلگەندە، مەندىن ھېچ نەرسە سورىشىڭلارنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى، مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتامنىڭ ئۆزىدىن نېمىنى تىلىسەڭلار، ئۇ شۇنى بېرىدۇ. ھازىرغىچە مېنىڭ نامىم بىلەن ھېچنېمە تىلىمىدىڭلار. ئەمدى تىلەڭلار، ئېرىشىسىلەر. بۇنىڭ بىلەن، خۇشاللىقىڭلار تولۇپ تاشسۇن. - سىلەرگە بۇلارنى تەمسىللەر بىلەن بىلدۈردۇم. بىراق، شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا تەمسىللەر بىلەن سۆزلىمەيمەن، ئاتام توغرۇلۇق ئوچۇق ئېيتىمەن. شۇ كۈنلەر كەلگەندە، تىلەكلىرىڭلارنى مېنىڭ نامىم بىلەن تىلەيسىلەر. مەن سىلەر ئۈچۈن ئاتامدىن تەلەپ قىلىمەن، دېمەكچى ئەمەسمەن. بۇنىڭ سەۋەبى، ئاتام ئۆزىمۇ سىلەرنى سۆيىدۇ. چۈنكى، سىلەر مېنى سۆيىسىلەر ۋە مېنى ئاتامنىڭ ئەۋەتكەنلىكىگە ئىشەندىڭلار. مەن ئاتامنىڭ يېنىدىن بۇ دۇنياغا كەلدىم. ئەمدى بۇ دۇنيادىن ئاتامنىڭ يېنىغا كېتىمەن. شاگىرتلىرى: - ئەمدى تەمسىل كەلتۈرمەي، ئوچۇق ئېيتتىڭىز! بىز سىزنىڭ ھەممىنى بىلىدىغانلىقىڭىزنى ئەمدى چۈشەندۇق. چۈنكى، بىز سوئال سورىمىساقمۇ، سىز كۆڭلىمىزدىكىنى بىلىدىكەنسىز. بۇنىڭدىن سىزنىڭ خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگەنلىكىڭىزگە ئىشەندۇق، - دېيىشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - ھازىر ئىشەندىڭلار، شۇنداقمۇ؟ مانا، شۇنداق ۋاقىت كېلەي دەپ قالدى، شۇنداقلا كېلىپ قالدىكى، ھەممىڭلار مېنى يالغۇز تاشلاپ ئۆز يوللىرىڭلارغا كېتىسىلەر. بىراق، مەن يالغۇز قالمايمەن، چۈنكى ئاتام مەن بىلەن بىللىدۇر. بۇلارنى سىلەرگە مەن ئارقىلىق ئامانلىق تاپسۇن، دەپ ئېيتتىم. بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى سىلەرنى ئازاب-ئوقۇبەتكە سالىدۇ. ئەمما، غەيرەتلىك بولۇڭلار! چۈنكى، مەن بۇ دۇنيا ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىم! ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، كۆزلىرىنى ئەرشكە تىكىپ مۇنداق دۇئا قىلدى: - ئى ئاتا، مېنىڭ ۋاقىت-سائىتىم يېتىپ كەلدى. سەن ئوغلۇڭنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئايان قىلغىن. بۇنىڭ بىلەن ئوغلۇڭمۇ ئۇلۇغلۇقۇڭنى ئايان قىلسۇن. چۈنكى، سەن ئۇنىڭغا پۈتكۈل ئىنسانىيەتتىن ئۈستۈن ھوقۇق ئاتا قىلدىڭ. بۇنىڭ بىلەن، ئۇ سەن ئۇنىڭغا بەرگەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسىگە مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلسۇن. مەڭگۈلۈك ھايات بولسا ھەقىقىي بىردىنبىر خۇدا - سېنى ۋە سەن ئەۋەتكەن ئەيسا مەسىھنى تونۇشتۇر. مەن سەن ماڭا بۇيرۇغان ھەممە ئىشلارنى ئورۇنداش بىلەن سېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇڭنى يەر يۈزىدە ئايان قىلدىم. ئى ئاتا، سېنىڭ يېنىڭغا قايتقىنىمدا، دۇنيا ئاپىرىدە بولۇشتىن بۇرۇن بىز بەھرىمەن بولغان ئۇلۇغلۇقتىن مېنى قايتا بەھرىمەن قىلغايسەن. سەن بۇ دۇنيادىن ماڭا تاللاپ بەرگەنلەرگە سېنى ئايان قىلدىم. ئۇلار سېنىڭكى ئىدى. ئۇلارنى ماڭا بەردىڭ، ئۇلار سېنىڭ سۆزۈڭگە ئەمەل قىلدى. ئۇلار سەن ماڭا بەرگەن ھەممە نەرسىلەرنىڭ سېنىڭدىن كەلگەنلىكىنى ئەمدى بىلدى. چۈنكى، سەن ماڭا قىلغان سۆزلەرنى ئۇلارغا يەتكۈزدۈم، ئۇلارمۇ قوبۇل قىلدى. سەندىن كەلگەنلىكىمنى ھەق دەپ بىلىپ يەتتى ھەمدە مېنى ئەۋەتكەنلىكىڭگىمۇ ئىشەندى. بۇلارغا دۇئا قىلىمەن. بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرىگە ئەمەس، بەلكى سەن ماڭا بەرگەن ئادەملەرگە دۇئا قىلىمەن. چۈنكى ئۇلار سېنىڭكىدۇر. مېنىڭكى سېنىڭكىدۇر. سېنىڭكى بولسا مېنىڭكىدۇر. مېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇم ئۇلار ئارقىلىق ئايان بولدى. مەن ئەمدى ئايرىلىش ئالدىدا تۇرىمەن. ئۇلارنى بۇ دۇنيادا قالدۇرۇپ، سېنىڭ يېنىڭغا كېتىۋاتىمەن. ئى مۇقەددەس ئاتا، ئۇلارنىڭ ساڭا بولغان سادىقلىقىنى ساقلىغىن. بىز ئىككىمىز بىر بولغاندەك، ئۇلارمۇ بىر بولسۇن. مەن ئۇلار بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمدا، ئۇلارنىڭ ساڭا بولغان سادىقلىقىنى ساقلىدىم ھەم قوغدىدىم. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھالاكەت يولىغا ماڭغان كىشىدىن باشقا بىرىمۇ يوقالمىدى. مۇقەددەس يازمىلاردىكى ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان كىشى توغرۇلۇق ئېيتىلغانلارنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن، مۇشۇنداق بولدى. مانا ئەمدى سېنىڭ يېنىڭغا كېتىمەن. ئۇلارنىڭ قەلبىدە مېنىڭ خۇشاللىقىم تولۇپ تاشسۇن دەپ، بۇ سۆزلەرنى دۇنيادىكى ۋاقتىمدا سۆزلىدىم، سۆزلىرىڭنى يەتكۈزدۈم. بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى ئۇلاردىن نەپرەتلەندى، چۈنكى مەن بۇ دۇنياغا مەنسۇپ بولمىغىنىمدەك، ئۇلارمۇ بۇ دۇنياغا مەنسۇپ ئەمەستۇر. ئۇلارنى بۇ دۇنيادىن ئايرىۋەت دەپ ئەمەس، بەلكى شەيتاندىن ساقلا، دەپ تىلەيمەن. مەن بۇ دۇنياغا مەنسۇپ بولمىغىنىمدەك، ئۇلارمۇ بۇ دۇنياغا مەنسۇپ ئەمەستۇر. ئۇلارنى ھەقىقىتىڭ ئارقىلىق ئۆزۈڭگە ئاتىغۇزغايسەن، چۈنكى سېنىڭ سۆزلىرىڭ ھەقتۇر. سەن مېنى دۇنياغا ئەۋەتكىنىڭدەك، مەنمۇ ئۇلارنى دۇنياغا ئەۋەتتىم. ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنى ھەقىقىي ئاتىسۇن دەپ، ئۆزۈمنى ساڭا ئاتايمەن. مەن ئۇلار ئۈچۈنلا ئەمەس، يەنە ئۇلارنىڭ يەتكۈزىدىغان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ماڭا ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىمەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر بولسۇن. ئى ئاتا، سەن مەندە، مەن سەندە بولغاندەك، ئۇلارمۇ بىزدە بولسۇن. شۇ ئارقىلىق، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى مېنى سېنىڭ ئەۋەتكەنلىكىڭگە ئىشەنسۇن، دەپ دۇئا قىلىمەن. بىز ئىككىمىز بىر بولغاندەك، ئۇلارمۇ بىر بولسۇن دەپ، سەن ماڭا بەرگەن ئۇلۇغلۇقنى ئۇلارغا ئاتا قىلدىم. مەن ئۇلاردا، سەن مەندە؛ بۇ ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇكەممەللىشىشى ئۈچۈندۇر. بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى شۇ ئارقىلىق مېنى ئەۋەتكەنلىكىڭنى ھەم مېنى سۆيگىنىڭدەك ماڭا ئېتىقاد قىلغانلارنىمۇ سۆيىدىغانلىقىڭنى بىلسۇن. ئى ئاتا، سەن ماڭا بەرگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ مەن بىلەن بىر يەردە بولۇشىنى ھەم ئۇلارنىڭ ئۇلۇغلۇقۇمنى كۆرۈشىنى ئارزۇ قىلىمەن. بۇ، دۇنيا ئاپىرىدە بولۇشتىن بۇرۇن، مېنى سۆيگەنلىكىڭ ئۈچۈن ماڭا بەرگەن ئۇلۇغلۇقتۇر. ئى ئادىل ئاتا، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى سېنى تونۇمايدۇ، ئەمما مەن سېنى تونۇيمەن. شاگىرتلىرىممۇ مېنى سېنىڭ ئەۋەتكەنلىكىڭنى بىلىدۇ. مەن سېنى ئۇلارغا ئايان قىلدىم، يەنە داۋاملىق ئايان قىلىمەن. بۇنىڭ بىلەن، ماڭا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭ ئۇلاردا بولسۇن، ھەم مەنمۇ ئۇلاردا بولاي. ھەزرىتى ئەيسا بۇ دۇئانى قىلغاندىن كېيىن، شاگىرتلىرى بىلەن بىللە تاشقىرىغا چىقىپ، يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدىكى كىدرون ۋادىسىنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتتى. ئۇ يەردە بىر باغچە بار ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا بىلەن شاگىرتلىرى ئۇ باغچىگە كىردى. ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان يەھۇدامۇ ئۇ يەرنى بىلەتتى، چۈنكى ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن پات-پات ئۇ يەردە جەم بولاتتى. شۇنداق قىلىپ، يەھۇدا بىر قىسىم رىم لەشكەرلىرى بىلەن ئالىي روھانىيلار ۋە پەرىسىيلەر ئەۋەتكەن ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىنى باشلاپ بۇ يەرگە كەلدى. ئۇلارنىڭ قوللىرىدا پانۇس، مەشئەل ۋە قوراللار بار ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا بېشىغا كېلىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ: - كىمنى ئىزدەيسىلەر؟ - دەپ سورىدى. - ناسىرەلىك ئەيسانى، - دەپ جاۋاب بېرىشتى ئۇلار. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - مانا مەن شۇ، - دېدى. ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدامۇ ئۇلارنىڭ قاتارىدا تۇراتتى. ھەزرىتى ئەيسا: «مانا مەن شۇ» دېيىشىگىلا، ئۇلار ئارقىلىرىغا يېنىپ يەرگە يىقىلىشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن يەنە بىر قېتىم: - كىمنى ئىزدەيسىلەر؟ - دەپ سورىدى. - ناسىرەلىك ئەيسانى، - دېيىشتى ئۇلار. - سىلەرگە ئېيتتىمغۇ، مانا مەن شۇ. ئەگەر مېنىلا ئىزدىگەن بولساڭلار، بۇلارنى تۇتماڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. بۇنىڭ بىلەن، ئۆزىنىڭ: «ئاتا، سەن ماڭا بەرگەنلەردىن ھېچقايسىسىنى يوقاتمىدىم» دېگەن سۆزى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلاندى. سىمۇن پېترۇس يېنىدىكى قىلىچنى قولىغا ئېلىپ، باش روھانىينىڭ مالكۇس ئىسىملىك چاكىرىغا ئۇردى. قىلىچ چاكارنىڭ ئوڭ قۇلىقىغا تېگىپ، ئۇنى شىلىپ چۈشۈرۈۋەتتى. ھەزرىتى ئەيسا پېترۇسقا: - قىلىچنى غىلىپىڭغا سال! مېنى ئاتام ئەمر قىلغان بۇ ئازاب قەدىھىنى ئىچمەيدۇ دەمسەن؟ - دېدى. شۇنىڭ بىلەن، لەشكەر توپى بىلەن قوماندانى ھەم يەھۇدىيلار ئەۋەتكەن ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرى ھەزرىتى ئەيسانى تۇتۇپ باغلاشتى. ئاندىن، ئۇنى ئالدى بىلەن شۇ يىلى باش روھانىي بولۇپ تۇرغان قاياپانىڭ قېيناتىسى ھانناننىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى. بۇرۇن يەھۇدىي ئاقساقاللىرىغا: «پۈتۈن خەلقنىڭ ھالاك بولۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بىرلا ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ئەۋزەل» دېگەن كىشى دەل شۇ قاياپا ئىدى. سىمۇن پېترۇس بىلەن يەنە بىر شاگىرت ھەزرىتى ئەيسانىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭغانىدى. ئۇ شاگىرت باش روھانىينىڭ تونۇشى بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەزرىتى ئەيسا بىلەن باش روھانىينىڭ ھويلىسىغا كىرەلىدى. سىمۇن پېترۇس بولسا تاشقىرىدا، دەرۋازىنىڭ يېنىدا قالدى. شۇڭا، باش روھانىينىڭ تونۇشى بولغان شاگىرت تاشقىرىغا چىقىپ، دەرۋازىۋەن قىز بىلەن سۆزلىشىپ، پېترۇسنى ئىچكىرىگە باشلاپ كىردى. دەرۋازىۋەن قىز پېترۇستىن: - سىزمۇ ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىدىن ئەمەسمۇ؟ - دەپ سورىدى. - ياق، مەن ئەمەس، - دېدى پېترۇس. ھاۋا سوغۇق بولغانلىقى ئۈچۈن، باش روھانىينىڭ چاكارلىرى ۋە ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرى ياغاچ كۆمۈردىن يېقىلغان گۈلخاننىڭ چۆرىسىدە ئىسسىنىپ تۇرۇشاتتى. پېترۇسمۇ ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئوتقا قاقلاندى. باش روھانىي ھەزرىتى ئەيسادىن شاگىرتلىرىنى ۋە ئۇنىڭ تەلىم بېرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك سوئاللارنى سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: - مەن سۆزلىرىمنى ھەممە ئادەملەرگە ئاشكارا سۆزلىدىم، يەھۇدىيلار يىغىلىدىغان يەرلىك ئىبادەتخانىلاردا ۋە مەركىزىي ئىبادەتخانىدا دائىم تەلىم بەردىم. ھېچقانداق مەخپىي سۆز قىلمىدىم. بۇلارنى نېمىشقا مەندىن سورايسىز؟ سۆزلىرىمنى ئاڭلىغانلاردىن سوراڭ، ئۇلار نېمە دېگەنلىكىمنى بىلىدۇ. ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندا، يېنىدا تۇرغان ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىدىن بىرى ئۇنى بىر كاچات ئۇرۇپ: - باش روھانىيغا مۇشۇنداق جاۋاب قايتۇرامسەن؟ - دېدى. - ئەگەر خاتا گەپ قىلغان بولسام، بۇنى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا كۆرسەت. ئەمما، ئېيتقانلىرىم توغرا تۇرسا، مېنى نېمە ئۈچۈن ئۇرىسەن؟ - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا. بۇنىڭ بىلەن، ھاننان ئۇنى باغلاقلىق پېتى باش روھانىي قاياپاغا يوللىدى. سىمۇن پېترۇس ئوتنىڭ ئالدىدا ئىسسىنىپ تۇرۇۋاتقاندا، باشقىلار: - سەنمۇ ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىدىن ئەمەسمۇ؟ - دېيىشتى. - ياق، مەن ئەمەس، - دەپ تاندى پېترۇس. ئۇ يەردە باش روھانىينىڭ چاكارلىرىدىن بىرى، يەنى پېترۇس قۇلىقىنى چېپىپ تاشلىغان ئادەمنىڭ تۇغقىنىمۇ بار ئىدى. ئۇ پېترۇسقا: - باغچىدە سېنى ئەيسا بىلەن بىللە كۆردۈمغۇ! - دېدى. پېترۇس يەنە تاندى. دەل شۇ چاغدا، خوراز چىللىدى. تاڭ يورۇغاندا، ھەزرىتى ئەيسا قاياپانىڭ يېنىدىن رىملىق ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئوردىسىغا ئېلىپ كېلىندى. ئۇنى ئېلىپ كەلگەن يەھۇدىي ئاقساقاللىرى بولسا ئۆزىمىزنىڭ ئېتىقادىنى بۇلغىۋالمايلى دەپ، ئوردىغا كىرمەي، سىرتتا ساقلاپ تۇراتتى. بولمىسا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ داستىخىنىغا جەم بولالمايتتى. شۇڭا، ۋالىي پىلاتۇس تاشقىرىغا چىقىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ: - بۇ ئادەمنىڭ ئۈستىدىن نېمە ئىش توغرۇلۇق ئەرز قىلىسىلەر؟ - دەپ سورىدى. ئۇلار: - بۇ ئادەم يامان ئىش قىلمىغان بولسا، ئۇنى سىزگە تاپشۇرمىغان بولاتتۇق، - دەپ جاۋاب بېرىشتى. - ئۇنى ئۆزۈڭلار ئېلىپ كېتىپ، ئۆز قانۇنۇڭلار بويىچە سوراڭلار، - دېدى ۋالىي پىلاتۇس ئۇلارغا. ئۇلار: - بىزنىڭ ئۆلۈم جازاسى بېرىش ھوقۇقىمىز يوق تۇرسا، - دېيىشتى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىنىڭ قانداق ئۆلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئالدىن ئېيتقىنىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن، بۇ ئىشلار يۈز بەردى. ۋالىي پىلاتۇس يەنە ئوردىسىغا كىرىپ، ھەزرىتى ئەيسانى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن: - سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇ؟ - دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - بۇ سوئالنى ئۆزىڭىز قويۇۋاتامسىز ياكى باشقىلار مەن توغرۇلۇق سىزگە شۇنداق ئېيتقانمۇ؟ - دېدى. - مەن يا يەھۇدىي بولمىسام مۇنداق سوئاللارنى سورايدىغان! سېنى ماڭا تاپشۇرغانلار ئۆز خەلقىڭ ۋە ئالىي روھانىيلارغۇ! نېمە جىنايەت ئۆتكۈزگەنىدىڭ؟ - دېدى ۋالىي پىلاتۇس. - مېنىڭ پادىشاھلىقىم بۇ دۇنياغا مەنسۇپ ئەمەس. ئەگەر مەنسۇپ بولسىدى، شاگىرتلىرىم مېنىڭ يەھۇدىيلارغا تاپشۇرۇلماسلىقىم ئۈچۈن جەڭ قىلغان بولاتتى. ھالبۇكى، مېنىڭ پادىشاھلىقىم بۇ دۇنيادىكى پادىشاھلىققا ئوخشىمايدۇ، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. - دېمەك سەن بىر پادىشاھ، شۇنداقمۇ؟ - دېدى ۋالىي پىلاتۇس. - ئېيتقىنىڭىزدەك، مەن پادىشاھ، مەن ھەقىقەتكە گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن دۇنياغا كەلدىم، ھەقىقەتتە تۇرىدىغان كىشىلەر مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلايدۇ، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. ۋالىي پىلاتۇس ئۇنىڭدىن: - «ھەقىقەت» دېگەن نېمە؟ - دەپ سورىدى. ۋالىي پىلاتۇس بۇنداق دەپ سورىغاندىن كېيىن، يەنە تاشقىرىغا چىقىپ يەھۇدىيلارغا: - مەن ئۇنىڭدىن ھېچقانداق جىنايەت تاپالمىدىم. لېكىن، سىلەرنىڭ ھەر يىلى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا يەھۇدىي مەھبۇسلاردىن بىرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ئادىتىڭلار بار. شۇڭا، ئەگەر خالىساڭلار، بۇ «يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى»~نى قويۇپ بېرەي؟ - دېدى. ئۇلار يەنە: - بۇ ئادەمنى ئەمەس، بارابباسنى قويۇپ بېرىڭ! - دەپ چۇقان سېلىشتى. (بارابباس بىر قاراقچى ئىدى.) بۇنىڭ بىلەن، ۋالىي پىلاتۇس ھەزرىتى ئەيسانى قامچىلاتتى. لەشكەرلەر تىكەن شاخلىرىنى ئۆرۈپ، بىر تاج ياساپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ بېشىغا كىيدۈرۈشتى. ئاندىن، ئۇنىڭغا شاھانە سۆسۈن رەڭلىك تون كىيدۈرۈشتى. ئۇلار يەنە ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ: - ياشىسۇن يەھۇدىيلارنىڭ «پادىشاھى»! - دەپ مەسخىرە قىلىشىپ، ئۇنى كاچاتلاشتى. ۋالىي پىلاتۇس يەنە ئوردىسىدىن چىقىپ، خالايىققا: - دىققەت! ئۇنىڭدىن ھېچقانداق جىنايەت تاپالمىغانلىقىمنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنى سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا ئېلىپ چىقىمەن، - دېدى. بۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا بېشىدىكى تىكەنلىك تاج ۋە ئۇچىسىدىكى سۆسۈن رەڭلىك تون بىلەن تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىلدى. ۋالىي پىلاتۇس ئۇلارغا: - مانا، ئۇ ئادەم! - دېدى. ئالىي روھانىيلار ۋە ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرى ھەزرىتى ئەيسانى كۆرۈپ: - ئۇنى كرېستكە مىخلىتىڭ، كرېستكە مىخلىتىڭ! - دەپ ۋارقىراشتى. - ئۇنى ئۆزۈڭلار مىخلاڭلار! مەن ئۇنىڭدىن ھېچقانداق جىنايەت تاپالمىدىم! - دېدى پىلاتۇس. يەھۇدىيلار مۇنداق دېيىشتى: - بىزدە شۇنداق بىر قانۇن بار. شۇ قانۇنغا ئاساسەن، ئۇ ئۆزىنى خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆلتۈرۈلۈشكە تېگىشلىك. ۋالىي پىلاتۇس بۇ سۆزنى ئاڭلاپ تېخىمۇ قورقۇپ، يەنە ئوردىسىغا كىرىپ، ھەزرىتى ئەيسادىن: - سەن زادى قەيەردىن كەلگەن؟ - دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا جاۋاب بەرمىدى. - سەن ماڭا گەپ قىلمامسەن؟ سېنى قويۇپ بېرىشكە ھوقۇقۇم بولغىنىدەك، كرېستكە مىخلاشقىمۇ ھوقۇقۇم بارلىقىنى بىلمەمسەن؟ - دېدى ۋالىي پىلاتۇس. - سىزگە ئەرشتىن بېرىلمىگەن بولسا، ماڭا نىسبەتەن ھېچقانداق ھوقۇقىڭىز بولمىغان بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، مېنى سىزگە تاپشۇرۇپ بەرگەن ئادەمنىڭ گۇناھى تېخىمۇ ئېغىردۇر، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. شۇنىڭ بىلەن، پىلاتۇس ھەزرىتى ئەيسانى قويۇۋەتمەكچى بولدى، لېكىن يەھۇدىيلار: - بۇ ئادەمنى قويۇۋەتسىڭىز، رىم ئىمپېراتورىنىڭ دوستى بولمىغان بولىسىز! كىم ئۆزىنى پادىشاھ دېسە، ئۇ كىشى ئىمپېراتورغا قارشى چىققان بولىدۇ! - دەپ چۇقان سېلىشتى. ۋالىي پىلاتۇس بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ھەزرىتى ئەيسانى تاشقىرىغا چىقاردى ۋە «تاش ياتقۇزۇلغان ھويلا» (ئارامىي تىلىدا «غابباتا») دېگەن يەردىكى ھۆكۈم چىقىرىش ئورنىدا ئولتۇردى. ئۇ كۈنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ھارپىسى بولۇپ، سائەت ئون ئىككىگە ئاز قالغانىدى. ۋالىي پىلاتۇس يەھۇدىيلارغا: - مانا بۇ سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلار! - دېدى. - يوقىتىڭ، يوقىتىڭ، ئۇنى كرېستكە مىخلىتىڭ! - دەپ ۋارقىراشتى يەھۇدىيلار. - مېنى پادىشاھىڭلارنى كرېستكە مىخلاتسۇن دەمسىلەر؟ - دېدى ۋالىي پىلاتۇس. ئالىي روھانىيلار: - رىم ئىمپېراتورىدىن باشقا پادىشاھىمىز يوق! - دەپ توۋلاشتى. بۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا ۋالىي پىلاتۇسنىڭ بۇيرۇقى بىلەن كرېستكە مىخلىنىشقا تاپشۇرۇلدى. لەشكەرلەر ھەزرىتى ئەيسانى ئېلىپ ماڭدى. ئۇ ئۆز كرېستىنى دۈمبىسىگە ئارتىپ، «باش سۆڭەك» (ئارامىي تىلىدا «گولگوتا») دېگەن يەرگە باردى. ئۇلار ئۇنى شۇ يەردە كرېستكە مىخلاپ، كرېستنى تىكلىدى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىككى تەرىپىدە يەنە ئىككى جىنايەتچى بار بولۇپ، ئۇلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ مىخلاندى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ كرېستى ئىككى جىنايەتچىنىڭ ئوتتۇرىسىغا تىكلەنگەنىدى. ۋالىي پىلاتۇس تاختىغا «ناسىرەلىك ئەيسا - يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى» دەپ يېزىپ، كرېستكە ئاستۇرۇپ قويدى. تاختىدىكى سۆزلەر ئىبرانىيچە، لاتىنچە ۋە گرېكچە ئۈچ خىل يېزىقتا يېزىلغانلىقى ھەمدە ھەزرىتى ئەيسا مىخلانغان يەر شەھەرگە يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈن، نۇرغۇن يەھۇدىيلار تاختىدىكى سۆزلەرنى ئوقۇغانىدى. شۇڭا، يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي روھانىيلىرى ۋالىي پىلاتۇسقا: - «يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى» دەپ يازماڭ. ئۆزىنى «مەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى دېگەن» دەپ يېزىڭ، - دېيىشتى. بىراق، ۋالىي پىلاتۇس ئۇلارغا: - يازىدىغىنىمنى يازدىم! - دېدى. لەشكەرلەر ھەزرىتى ئەيسانى كرېستكە مىخلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كىيىملىرىنى ئېلىپ، تۆتكە بۆلۈپ، ھەربىرى بىر ئۈلۈشتىن ئېلىشتى. تونىنىڭ ئىچىدىكى ئۇزۇن كۆڭلەكنىمۇ ئېلىشتى. بۇ كۆڭلەك تىكىلمىگەن بولۇپ، ئۈستىدىن ئاستىغا بىر يۈرۈش توقۇلغانىدى. شۇنىڭ بىلەن، لەشكەرلەر بىر-بىرىگە: - بۇنى يىرتماي، چەك تارتىشايلى، كىمگە چىقسا شۇ ئالسۇن، - دېيىشتى. بۇنىڭ بىلەن، مۇقەددەس يازمىلاردىكى مۇنۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. «تونۇمنى بۆلۈشتى ئۇلار، كۆڭلىكىم ئۈچۈن تارتىشتى چەكلەر.» دەرۋەقە، لەشكەرلەر شۇنداق قىلىشتى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ كرېستىنىڭ يېنىدا ئانىسى، ئانىسىنىڭ سىڭلىسى، كلوپانىڭ ئايالى مەريەم ۋە مەجدەللىك مەريەملەر تۇراتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئانىسى بىلەن ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان شاگىرتىنىڭ بىرگە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئانىسىغا: - ئانا، بۇ سىزنىڭ ئوغلىڭىز بولسۇن، - دېدى. كېيىن، شاگىرتىغا: - بۇ سېنىڭ ئاناڭ بولسۇن، - دېدى. شۇ ۋاقىتتىن ئېتىبارەن، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۇ شاگىرتى مەريەمنى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە تۇرغۇزدى. ھەزرىتى ئەيسا ھەممە ئىشلىرىنىڭ تاماملانغانلىقىنى بىلدى. ئاندىن: - ئۇسسىدىم! - دېدى. بۇنىڭ بىلەن مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغان سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. ئۇ يەردە ئەرزان ئۈزۈم شارابى بىلەن تولدۇرۇلغان بىر كۈپ بار ئىدى. ئۇلار ئۈزۈم شارابىغا چىلانغان بىر پارچە بۇلۇتنى لېپەكگۈل غولىغا باغلاپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئاغزىغا ئۇزاتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۈزۈم شارابىنى تېتىغاندىن كېيىن: - تامام بولدى! - دېدى-دە، بېشىنى تۆۋەن چۈشۈرۈپ، جان بەردى. ئۇ كۈنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ھارپىسى ئىدى. بۇ ھېيت دەم ئېلىش كۈنىگە توغرا كەلگەنىدى. يەھۇدىيلار كرېستكە مىخلانغانلارنىڭ جەسىتىنى دەم ئېلىش كۈنىدە كرېستتە قالدۇرۇشنى توغرا تاپمايتتى. شۇڭا، يەھۇدىي ئاقساقاللىرى جەسەتلەرنى كرېستتىن ئېلىۋېتىش مەقسىتىدە، ۋالىي پىلاتۇستىن مىخلانغانلارنىڭ تېزرەك ئۆلۈشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنى چېقىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، لەشكەرلەر بېرىپ ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىللە كرېستكە مىخلانغان ھېلىقى ئىككى ئادەمنىڭ پۇتلىرىنى چېقىۋەتتى. لېكىن، ھەزرىتى ئەيساغا كەلگەندە، ئۇنىڭ ئاللىقاچان ئۆلگەنلىكىنى كۆردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پۇتىنى چاقمىدى. بىراق، لەشكەرلەردىن بىرى ئۇنىڭ بىقىنىغا نەيزىسىنى سانجىۋىدى، شۇئان قان ۋە سۇ ئېقىپ چىقتى. سىلەرنى ئىشەنسۇن دەپ، بۇنى كۆرگۈچى گۇۋاھلىق بەردى. ئۇنىڭ گۇۋاھلىقى ھەقتۇر. كۆرگۈچى ئۆزىنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. بۇ ئىشلار يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاراماتىيالىق يۈسۈپ ھەزرىتى ئەيسانى دەپنە قىلىش ئۈچۈن، ۋالىي پىلاتۇستىن ئۇنىڭ جەسىتىنى ئېلىپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى. (يۈسۈپ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىسى ئىدى. لېكىن، يەھۇدىي ئاقساقاللىرىدىن قورققىنىدىن بۇنى مەخپىي تۇتاتتى.) ۋالىي پىلاتۇس رۇخسەت بەرگەندىن كېيىن، يۈسۈپ بېرىپ ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتىنى كرېستتىن چۈشۈرۈپ ئېلىپ كەتتى. بۇرۇن بىر كېچىسى ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا كەلگەن نىكودىممۇ جەسەتكە چاچىدىغان سەبرە ئارىلاش مۇرمەككى دېگەن دورا-دەرماندىن ئوتتۇز نەچچە كىلو ئېلىپ، يۈسۈپ بىلەن بىللە كەلدى. ئىككىيلەن ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتىنى يەھۇدىيلارنىڭ دەپنە قىلىش ئادىتى بويىچە دورا-دەرمانلارنى چېچىپ، كەندىر رەخت بىلەن ئوراپ كېپەنلىدى. ھەزرىتى ئەيسا كرېستكە مىخلانغان يەردە بىر باغ بولۇپ، باغنىڭ ئىچىدە تېخى ھېچكىم قويۇلمىغان يېڭى بىر ئۆڭكۈر يەرلىك بار ئىدى. بۇ كۈن ھېيتنىڭ ھارپىسى ھەم بۇ يەرلىك يېقىن جايدا بولغانلىقى سەۋەبىدىن، ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى شۇ يەرگە دەپنە قىلدى. يەكشەنبە كۈنى تاڭ تېخى يورۇمىغاندا، مەجدەللىك مەريەم ھەزرىتى ئەيسانىڭ يەرلىكىگە باردى ۋە ئۆڭكۈرنىڭ ئاغزىدىكى تاشنىڭ ئېلىۋېتىلگەنلىكىنى كۆردى. ئۇ يۈگۈرگەن پېتى سىمۇن پېترۇس ۋە ھەزرىتى ئەيسا ياخشى كۆرىدىغان ھېلىقى شاگىرتنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇلارغا: - رەببىمىزنى يەرلىكىدىن ئېلىۋېتىپتۇ، قەيەرگە قويغانلىقىنى بىلمىدۇق! - دېدى. پېترۇس بىلەن ھېلىقى شاگىرت تاشقىرىغا چىقىپ، يەرلىككە قاراپ يول ئالدى. ئىككىيلەن بىللە يۈگۈرۈشۈپ ماڭدى، لېكىن ھېلىقى شاگىرت پېترۇستىن تېز يۈگۈرۈپ، يەرلىككە بىرىنچى بولۇپ يېتىپ باردى. ئۇ ئېڭىشىپ ئىچىگە قاراپ، كەندىر كېپەننىڭ ئۇ يەردە يېيىقلىق تۇرغانلىقىنى كۆردى، لېكىن ئىچكىرىگە كىرمىدى. كەينىدىن سىمۇن پېترۇس يېتىپ كېلىپ يەرلىككە كىردى ۋە ئۇ يەردە يېيىقلىق تۇرغان كېپەننى كۆردى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ بېشىغا چىگىلگەن ياغلىقنىمۇ كۆردى. ياغلىق كېپەن بىلەن بىر يەردە ئەمەس، بەلكى ئايرىم يەردە يۆگەكلىك تۇراتتى. ئاندىن، يەرلىككە ئاۋۋال كەلگەن شاگىرتمۇ يەرلىكنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئەھۋالنى كۆرۈپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكىگە ئىشەندى. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈپ قايتا تىرىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغان سۆزلەرنى تېخىچە چۈشەنمىگەنىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئىككىيلەن ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان جايغا قايتىشتى. مەريەم بولسا يەرلىكنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ يىغلاۋاتاتتى. ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ يەرلىكنىڭ ئىچىگە ئېڭىشىپ قارىۋىدى، ئاق كىيىم كىيگەن ئىككى پەرىشتىنى كۆردى. ئۇلارنىڭ بىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتى قويۇلغان يەرنىڭ باش تەرىپىدە، يەنە بىرى ئاياغ تەرىپىدە ئولتۇراتتى. ئۇلار مەريەمدىن: - خانىم، نېمىشقا يىغلايسىز؟ - دەپ سورىدى. - رەببىمنى ئېلىپ كېتىپتۇ، ئۇنى نەگە قويغانلىقىنى بىلەلمەيۋاتىمەن، - دېدى مەريەم. ئۇ شۇ گەپنى قىلىپلا كەينىگە قارىۋىدى، بىرىنىڭ ئۇ يەردە تۇرغىنىنى كۆردى. ئۇ دەل ھەزرىتى ئەيسا ئىدى. لېكىن، ئۇ ھەزرىتى ئەيسا ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدى. - خانىم، نېمىشقا يىغلايسىز، كىمنى ئىزدەيسىز؟ - دەپ سورىدى ھەزرىتى ئەيسا. مەريەم ئۇنى باغۋەن دەپ ئويلاپ: - تەقسىر، ئەگەر ئۇنى سىز يۆتكىۋەتكەن بولسىڭىز، قەيەرگە قويغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ بەرگەيسىز. مەن ئۇنى ئېلىپ كەلسەم، - دېدى. - مەريەم! - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا. مەريەم بۇرۇلۇپلا، ئىبرانىي تىلىدا: - راببونى! - دېدى. (بۇ سۆز «ئۇستاز» دېگەن مەنىدە.) - ماڭا ئېسىلماڭ! چۈنكى، مەن تېخى ئاتامنىڭ يېنىغا قايتىپ چىقمىدىم. بېرىپ قېرىنداشلىرىمغا ئېيتىڭ: «سىلەرنىڭمۇ ئاتاڭلار بولغان ئاتامنىڭ، يەنى خۇدايىڭلار بولغان خۇدايىمنىڭ يېنىغا قايتىپ چىقىمەن!» - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. شۇنىڭ بىلەن، مەجدەللىك مەريەم شاگىرتلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارغا: - رەببىمىزنى كۆردۈم! - دېدى. ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىگە ئېيتقانلىرىنى ئۇلارغا سۆزلەپ بەردى. شۇ يەكشەنبە كۈنى كەچتە، شاگىرتلار جەم بولغان يېرىدە يەھۇدىيلاردىن قورققانلىقىدىن ئۆينىڭ ئىشىكلىرىنى تاقىۋەتكەنىدى. شۇ پەيتتە، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەيدا بولۇپ، ئۆرە تۇرغان ھالدا ئۇلارغا: - ئامان بولۇڭلار! - دېدى ۋە ئارقىدىنلا قوللىرى ۋە بىقىنىنى ئۇلارغا كۆرسەتتى. شاگىرتلار رەببىنى كۆرگىنىدىن قىن-قىنىغا پاتماي خۇشال بولۇشۇپ كەتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە: - ئامان بولۇڭلار! ئاتام مېنى ئەۋەتكىنىدەك، مەنمۇ سىلەرنى ئەۋەتىمەن، - دېدى. بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلارغا بىر پۈۋلەپ: - خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا مۇيەسسەر بولۇڭلار. كىمنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرسەڭلار، ئۇنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ! كىمنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈم قىلمىساڭلار، ئۇنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ! - دېدى. ئون ئىككى شاگىرتتىن بىرى، يەنى «قوشكېزەك» دەپ ئاتىلىدىغان توماس ھەزرىتى ئەيسا كەلگەندە ئۇلارنىڭ يېنىدا ئەمەس ئىدى. كېيىن، ئۇلار ئۇنىڭغا: - بىز رەببىمىزنى كۆردۇق! - دېيىشتى. لېكىن توماس: - ئۇنىڭ قوللىرىدا مىخنىڭ ئىزىنى كۆرمىگۈچە، مىخلارنىڭ ئىزىغا ئۆز بارمىقىمنى ۋە بىقىنىغا ئۆز قولۇمنى تەگكۈزۈپ باقمىغۇچە، ھەرگىز ئىشەنمەيمەن، - دېدى. بىر ھەپتىدىن كېيىن، شاگىرتلار يەنە شۇ ئۆيدە جەم بولغان بولۇپ، توماسمۇ ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى. ئىشىكلەر تاقاقلىق بولسىمۇ، ھەزرىتى ئەيسا كىرىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ: - ئامان بولۇڭلار! - دېدى. ئاندىن، توماسقا: - بارمىقىڭنى بۇ يەرگە تەگكۈزۈپ، قوللىرىمغا قارا. قولۇڭنى ئۇزىتىپ، بىقىنىمغا تەگكۈزۈپ باق. گۇمان قىلماي، ماڭا ئىشەن! - دېدى. - سەن مېنىڭ رەببىم ھەم خۇدايىمسەن! - دېدى توماس ئۇنىڭغا جاۋابەن. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - مېنى كۆرگەنلىكىڭ ئۈچۈن ئىشەندىڭمۇ؟ كۆرمەي تۇرۇپ ئىشەنگەنلەر نەقەدەر بەختلىك-ھە! - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىنىڭ ئالدىدا، بۇ كىتابتا يېزىلمىغان باشقا نۇرغۇن مۆجىزىلەرنىمۇ كۆرسەتتى. بۇ خاتىرىلەر سىلەرنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ، شۇنداقلا خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىگە ئىشەنسۇن ھەم بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا باغلىنىپ ھاياتلىققا ئېرىشسۇن، دەپ يېزىلدى. بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا تىبېرىيە كۆلىنىڭ بويىدا شاگىرتلىرىغا يەنە بىر قېتىم كۆرۈندى. بۇ قېتىمقى كۆرۈنۈشنىڭ جەريانى مۇنداق بولدى: سىمۇن پېترۇس، «قوشكېزەك» دەپ ئاتىلىدىغان توماس، جەلىلىيىدىكى كانالىق ناتانيەل، زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ۋە باشقا ئىككى شاگىرت بىللە ئىدى. سىمۇن پېترۇس: - مەن بېلىق تۇتقىلى بارىمەن، - دېدى. كۆپچىلىك: - بىزمۇ سەن بىلەن بىللە بارىمىز، - دېيىشتى. ئۇلار تاشقىرىغا چىقىپ، كېمىگە ئولتۇردى، لېكىن كېچىچە ھېچ نەرسە تۇتالمىدى. تاڭ ئاتقاندا، ھەزرىتى ئەيسا سۇ بويىدا تۇراتتى، بىراق شاگىرتلار ئۇنىڭ ھەزرىتى ئەيسا ئىكەنلىكىنى بىلمىدى. ھەزرىتى ئەيسا: - بالىلار، سىلەردە بېلىق يوقمۇ؟ - دەپ سورىدى. - يوق، - دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. - تورنى كېمىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە تاشلاڭلار، ئاندىن تۇتالايسىلەر، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. ئۇلار تورنى شۇ ياققا تاشلاپ، شۇنداق كۆپ بېلىق تۇتتىكى، ھەتتا تورنى تارتىپ چىقىرالماي قالدى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ياخشى كۆرگەن شاگىرتى پېترۇسقا: - بۇ رەببىمىزغۇ! - دېدى. سىمۇن پېترۇس ئۇنىڭ ھەزرىتى ئەيسا ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، سېلىۋەتكەن چاپىنىنى كىيىپ، سۇغا سەكرىدى. قالغانلار قىرغاقتىن ئانچە يىراق ئەمەس، تەخمىنەن يۈز مېتىرچە يىراقلىقتا بولۇپ، بېلىق بىلەن تولغان تورنى كېمە بىلەن تارتىپ قىرغاققا كەلدى. ئۇلار قىرغاققا چىققاندا، ياغاچ كۆمۈردىن يېقىلغان، ئۈستىدە بېلىق بار گۈلخاننى ۋە ناننى كۆردى. ھەزرىتى ئەيسا: - ئەمدى تۇتقان بېلىقىڭلاردىن ئەكېلىڭلار، - دېدى. سىمۇن پېترۇس كېمىگە چىقىپ، تورنى قىرغاققا تارتىپ چىقاردى. تور چوڭ بېلىقلار بىلەن تولغان بولۇپ، جەمئىي بىر يۈز ئەللىك ئۈچ بېلىق بار ئىدى. بېلىق شۇنچە كۆپ بولسىمۇ، تور يىرتىلمىغانىدى. ھەزرىتى ئەيسا: - كېلىڭلار، تاماق يەڭلار، - دېدى. شاگىرتلارنىڭ ئىچىدە بىرەرسىمۇ ئۇنىڭدىن: - سىز كىم بولىسىز؟ - دەپ سوراشقا پېتىنالمىدى. چۈنكى، ئۇلار ئۇنىڭ ئۆزلىرىنىڭ رەببى ئىكەنلىكىنى بىلدى. ھەزرىتى ئەيسا نان بىلەن بېلىقنى ئەكېلىپ ئۇلارغا بەردى. مانا بۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىپ، شاگىرتلىرىغا ئۈچىنچى قېتىمقى كۆرۈنۈشى ئىدى. تاماقتىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا سىمۇن پېترۇستىن: - يۇھاننا ئوغلى سىمۇن، سەن مېنى بۇلاردىنمۇ چوڭقۇر سۆيەمسەن؟ - دەپ سورىدى. - شۇنداق رەببىم، مېنىڭ سىزنى سۆيىدىغانلىقىمنى سىز بىلىسىز! - دېدى پېترۇس. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ئۇنداقتا، قوزىلىرىمنى ئوتلات! - دېدى. ئىككىنچى قېتىم يەنە ئۇنىڭدىن: - يۇھاننا ئوغلى سىمۇن، مېنى سۆيەمسەن؟ - دەپ سورىدى. پېترۇس يەنە: - شۇنداق، رەببىم، مېنىڭ سىزنى سۆيىدىغانلىقىمنى بىلىسىز، - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ئۇنداقتا، قويلىرىمنى باق، - دېدى. ئۈچىنچى قېتىم يەنە: - يۇھاننا ئوغلى سىمۇن، مېنى سۆيەمسەن؟ - دەپ سورىدى. پېترۇس ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ سوئالنى ئۈچ قېتىم سورىغانلىقىغا كۆڭلى بىر قىسما بولۇپ: - رەببىم، سىز ھەممىنى بىلىسىز، سىزنى سۆيىدىغانلىقىمنىمۇ بىلىسىز، - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ئۇنداقتا، قويلىرىمنى ئوتلات. بىلىپ قويغىنكى، ياش ۋاقتىڭدا ئۆز بەلبېغىڭنى ئۆزۈڭ باغلاپ، خالىغان يېرىڭگە كېتەتتىڭ، لېكىن ياشانغاندا، قوللىرىڭنى ئۇزىتىپ بېرىسەن. باشقىلار سېنى باغلاپ، سەن خالىمايدىغان يەرگە ئېلىپ كېتىدۇ، - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزنى پېترۇسنىڭ قانداق ئۆلۈش ئارقىلىق خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئېيتتى. ئاندىن، ئۇنىڭغا يەنە: - ماڭا ئەگىشىۋەر، - دېدى. پېترۇس كەينىگە بۇرۇلۇپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ياخشى كۆرىدىغان شاگىرتىنىڭ ئەگىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. (بۇ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئاخىرقى كەچلىك تامىقىدا ئۇنىڭغا يېقىن ئولتۇرۇپ: «ئى رەببىم، سىزنى تۇتۇپ بەرمەكچى بولغان كىمدۇ؟» دەپ سورىغان شاگىرت ئىدى.) پېترۇس ئۇنى كۆرۈپ، ھەزرىتى ئەيسادىن: - ئى رەببىم، بۇ ئادەم كەلگۈسىدە قانداق بولار؟ - دەپ سورىدى. - ئەگەر مەن قايتا كەلگۈچە ئۇنىڭ ھايات بولۇشىنى خالىسام، بۇنىڭ سەن بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟! ماڭا ئەگىشىۋەر، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا. بۇنىڭ بىلەن، قېرىنداشلار ئارىسىدا ھېلىقى شاگىرتنىڭ ئۆلمەيدىغانلىقىغا دائىر گەپ تارقالدى. لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا پېترۇسقا: «ئۇ ئۆلمەيدۇ» دېمىگەنىدى. پەقەت: «ئەگەر مەن قايتا كەلگۈچە ئۇنىڭ ھايات بولۇشىنى خالىسام، بۇنىڭ سەن بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟» دېگەنىدى. بۇ ئىشلارغا گۇۋاھلىق بەرگۈچى ھەمدە بۇ ئىشلارنى خاتىرىلىگۈچى ئەنە شۇ شاگىرتتۇر. بىزمۇ بىلىمىزكى، ئۇنىڭ گۇۋاھلىقى ھەقتۇر. ھەزرىتى ئەيسا بۇلاردىن باشقا نۇرغۇن ئىشلارنىمۇ قىلغانىدى. ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئايرىم-ئايرىم يېزىلغان بولسا، مېنىڭچە كىتابلار پۈتۈن دۇنياغا سىغمايتتى! ھۆرمەتلىك تېئوفىلوس، دەسلەپكى خېتىمدە، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى باشلىغاندىن تارتىپ تاكى ئاسمانغا كۆتۈرۈلگۈچە قىلغان ھەممە ئىشلىرىنى ۋە بەرگەن بارلىق تەلىملىرىنى بايان قىلغانىدىم. ئۇ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى، خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ئۆزى تاللىغان ئەلچىلىرىگە يوليورۇقلارنى بەرگەنىدى. ئۇ ئۆلۈپ، تىرىلگەندىن كېيىنكى قىرىق كۈن ئىچىدە ئۇلارغا كۆپ قېتىم كۆرۈنۈپ، ئۆزىنىڭ تىرىلدۈرۈلگەنلىكىنىڭ شەكسىز ئىكەنلىكىنى نۇرغۇن پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلىغانىدى ۋە خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا دائىر سۆزلەرنى قىلغانىدى. بىر قېتىم ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلەر بىلەن غىزالىنىۋاتقاندا، ئۇلارغا يوليورۇق بېرىپ مۇنداق دېدى: - يېرۇسالېم شەھىرىدىن ئايرىلماي، مەن سىلەرگە ئېيتقىنىمدەك، خۇدائاتام سىلەرگە بېرىشنى ۋەدە قىلغان مۇقەددەس روھنى كۈتۈڭلار. چۈنكى، يەھيا پەيغەمبەر كىشىلەرنى سۇدا چۆمۈلدۈردى، سىلەر بولساڭلار بىرنەچچە كۈن ئىچىدە خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا چۆمۈلدۈرۈلىسىلەر. ئەلچىلەر ھەزرىتى ئەيسا بىلەن جەم بولغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭدىن: - ئى رەببىمىز، شۇ ۋاقىتتا ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچىمۇسىز؟ - دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - خۇدائاتام ئۇ ۋاقىت-سائەتنى ئۆز ھوقۇقىغا ئاساسەن بەلگىلىگەن. سىلەرنىڭ بۇنى بىلىشىڭلار تېگىشلىك ئەمەس. بىراق شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، مۇقەددەس روھ ۋۇجۇدۇڭلارغا چۈشكەندە، سىلەر كۈچ-قۇدرەتكە تولۇپ، يېرۇسالېم، پۈتۈن يەھۇدىيە ۋە سامارىيە ئۆلكىلىرى، ھەتتا دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە ماڭا گۇۋاھچى بولىسىلەر. ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. بىر پارچە بۇلۇتنىڭ ئورىۋېلىشى بىلەن، ئۇ كۆپچىلىكنىڭ نەزىرىدىن غايىب بولدى. ئۇ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەندە، ئەلچىلەر كۆزلىرىنى كۆككە تىكىپ قارىشىپ قالدى، توساتتىن ئۇلارنىڭ يېنىدا ئاق كىيىم كىيگەن، ئادەم قىياپىتىدىكى ئىككى پەرىشتە پەيدا بولۇپ: - ئەي جەلىلىيىلىكلەر، نېمىشقا بۇ يەردە ئاسمانغا قاراپ تۇرىسىلەر؟! ھەزرىتى ئەيسا ئەرشكە چىقىپ كەتتى. بىراق، ئۇ قانداق كۆتۈرۈلگەن بولسا، كەلگۈسىدە يەنە شۇنداق قايتىپ كېلىدۇ، - دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئەلچىلەر يېرۇسالېمدىن بىر چاقىرىمچە يىراقلىقتىكى زەيتۇن تېغى دېگەن جايدىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى. ئۇلار شەھەرگە كىرىپ، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى ھۇجرىغا چىقتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پېترۇس، يۇھاننا، ياقۇپ، ئەندەر، فىلىپ، توماس، بارتولوماي، مەتتا، ھالپاينىڭ ئوغلى ياقۇپ، ۋەتەنپەرۋەر سىمۇن ۋە باشقا بىر ياقۇپنىڭ ئوغلى يەھۇدالار بار ئىدى. ئۇلار باشقا ئېتىقادچىلار بىلەن دائىم بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىر نىيەتتە دۇئا-تىلاۋەت قىلىشاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئانىسى مەريەم، ھەزرىتى ئەيساغا ئەگەشكەن ئاياللار ۋە ئۇنىڭ ئىنىلىرىمۇ بار ئىدى. شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئېتىقادچىلاردىن بىر يۈز يىگىرمىگە يېقىن كىشى جەم بولۇشتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن پېترۇس ئۆرە تۇرۇپ مۇنداق دېدى: - بۇرادەرلەر! ھەزرىتى ئەيسانى تۇتۇپ بەرگەن يەھۇدا ھەققىدە مۇقەددەس روھنىڭ بۇرۇن پادىشاھ داۋۇت ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقان مۇقەددەس يازمىلاردىكى سۆزلىرى ئەمەلگە ئېشىشى كېرەك ئىدى. يەھۇدامۇ بىزدەك بىر ئەلچى بولۇپ، بىز بىلەن بىللە خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولغانىدى. (يەھۇدا قىلغان ئەسكىلىكى بەدىلىگە ئىگە بولغان پۇلغا بىر پارچە يەر سېتىۋېلىپ، شۇ يەردە باشچىلاپ يىقىلىپ، ئۈچەي-قېرىنى چۇۋۇلۇپ ئۆلدى. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان پۈتۈن يېرۇسالېم ئاھالىسى ئۇ يەرنى ئۆز تىلى بىلەن «ھەقەلدەما» دەپ ئاتاشتى. بۇنىڭ مەنىسى «قان تۆكۈلگەن يەر» دېمەكتۇر.) پېترۇس سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: - زەبۇردا پادىشاھ داۋۇتنىڭ يەھۇداغا قارىتىلغان مۇنۇ سۆزلىرى بار: «ئۇنىڭ ئۆيى چۆلگە ئايلانسۇن، ئۇنىڭدا ھېچكىم ئولتۇرمىسۇن!» ۋە «ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى باشقا بىر كىشى ئۈستىگە ئالسۇن!» شۇنىڭ بىلەن، كۆپچىلىك يۈسۈپ (لەقىمى بارسابا، گرېكچە ئىسمى يۇستۇس) بىلەن ماتىيا دېگەن ئىككى كىشىنى ئالدىغا چىقىرىپ، مۇنداق دۇئا قىلىشتى: دۇئادىن كېيىن، ئۇلار بۇ ئىككى كىشىگە چەك تاشلىۋىدى، چەك ماتىياغا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن، ماتىيا ئون بىر ئەلچىنىڭ قاتارىغا ئون ئىككىنچى بولۇپ قوشۇلدى. ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدىن كېيىنكى ئەللىكىنچى كۈنى كەلگەن ئورما ھېيتىدا، ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى يېرۇسالېمدا بىر يەرگە جەم بولغانىدى. ئاسماندىن تۇيۇقسىز گويا قاتتىق شامال چىققاندەك بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپ، ئۇلار ئولتۇرغان ئۆينى قاپلىدى. ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىگە خۇددى ئوت يالقۇنىدەك بىر نەرسىنىڭ ئايرىم-ئايرىم چۈشكەنلىكىنى كۆردى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا چۆمۈپ، ئۇ ئاتا قىلغان ئالاھىدە قابىلىيەت بىلەن ئۆزلىرىگە نامەلۇم بولغان تىللاردا خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشقا باشلىدى. ئۇ چاغدا، يېرۇسالېمدا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن نۇرغۇن ئىخلاسمەن يەھۇدىيلارمۇ بار ئىدى. ئۇلار بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ، ئېتىقادچىلار بار يەرگە جەم بولۇشتى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ تىللىرىدا سۆزلىشىۋاتقان ئېتىقادچىلارنى كۆرۈپ داڭ قېتىپ قېلىشتى. ئۇلار ھەيران بولۇپ: - قاراڭلار، سۆزلىشىۋاتقانلار جەلىلىيىلىكلەر ئەمەسمۇ؟ ئۇلار قانداقلارچە بىزنىڭ تىللىرىمىزدا سۆزلىشەلەيدۇ؟ ئارىمىزدا پارتىيا، مېدىيا، ئېلام، مېسوپوتامىيە، يەھۇدىيە، كاپادوكىيا، پونتۇس، ئاسىيا، ئۇلار تېڭىرقاپ قالغانلىقىدىن ھەيرانلىق بىلەن بىر-بىرىگە: - بۇ زادى قانداق ئىشتۇ؟ - دېيىشتى. بەزىلەر: - بۇلار ئوبدانلا مەس بولۇپ قاپتۇ! - دەپ مەسخىرە قىلىشتى. بۇنى ئاڭلىغان پېترۇس باشقا ئون بىر ئەلچى بىلەن بىللە ئورنىدىن تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن كۆپچىلىككە: - ئەي يېرۇسالېم ئاھالىلىرى ۋە باشقا يەھۇدىي قېرىنداشلار! سىلەرگە ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي. سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار. سىلەر بىزنى مەس بولۇپ قاپتۇ، دەۋاتامسىلەر؟ ئۇنداق ئەمەس، تېخى ئەمدى ئەتىگەن سائەت توققۇز بولدى. ھالبۇكى، خۇدا بۇرۇن بۇ ئىش ھەققىدە يوئېل پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىن ئېيتىپ مۇنداق دېگەن: «خۇدا شۇنى ۋەدە قىلدىكى: ˜مەن ئاخىر زاماندا ھەممە ئىنسانلارنى مۇقەددەس روھىمغا چۆمدۈرىمەن. ئوغۇل-قىزلىرىڭلار مېنىڭ ۋەھىيلىرىمنى يەتكۈزىدۇ. سۆزلىرىم يىگىتلەرگە غايىبانە ئالامەتلەر، ياشانغانلارغا چۈشلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ. ئۇ كۈنلەردە، بارلىق ئەر-ئايال خىزمەتكارلىرىم روھىمغا چۆمۈلدۈرۈلۈپ، مەندىن كەلگەن ۋەھىيلەرنى سۆزلەيدۇ. پەرۋەردىگاردىن نىجاتلىق تىلەيدىغانلارنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۇلىدۇ.Œ» ئەي ئىسرائىل قېرىنداشلار، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار. خۇدا ناسىرەلىك ئەيسا ئارقىلىق ئاراڭلاردا كۆرسەتكەن مۆجىزە ۋە كارامەتلىرى بىلەن ھەزرىتى ئەيسانى ئۆزىنىڭ ئەۋەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. بۇ ئىش ھەممىڭلارغا مەلۇم. ھەزرىتى ئەيسا خۇدانىڭ ئالدىنئالا بىلىشى ۋە پىلانى بويىچە سىلەرگە تاپشۇرۇلدى. سىلەر ئۇنى خۇدايىمىزغا ئىشەنمىگەن رەزىل ئادەملەرگە تۇتۇپ بېرىپ، كرېستكە مىخلىتىپ ئۆلتۈرگۈزدۈڭلار. لېكىن، ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن، خۇدا ئۇنى ئۆلۈمنىڭ ئىلكىدىن قۇتقۇزۇپ، قايتا تىرىلدۈردى. چۈنكى، ئۆلۈم ئۇنى چىرمىۋالالمىدى. پادىشاھ داۋۇت زەبۇردا ئۇ ھەققىدە مۇنداق ئالدىن ئېيتقان: «مەن پەرۋەردىگارنىڭ دائىم يېنىمدا تۇرغانلىقىنى بىلدىم. مەن ھەرگىز تەۋرەنمەيمەن. چۈنكى، ئۇ مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا تۇرۇپ، ماڭا ياردەم بېرىدۇ. شۇڭا، مەن ئۇنىڭغا خۇشاللىق بىلەن مەدھىيە ئوقۇيمەن. ئۆلسەممۇ، تېنىم ئۈمىد ئىچىدە تۇرىدۇ. چۈنكى، سەن مېنى ئۆلۈكلەر دىيارىدا تاشلاپ قويمايسەن. سېنىڭ سادىق خىزمەتكارىڭنىڭ تېنىنىڭمۇ چىرىشىگە يول قويمايسەن. ھەقىقىي ھاياتلىققا يېتەكلەيدىغان يولنى ماڭا كۆرسەتتىڭ. ئەمدى سەن مېنى ھۇزۇرۇڭدا خۇشاللىققا چۆمدۈرىسەن.» قېرىنداشلار، سىلەرگە ئېنىق ئېيتالايمەنكى، بۇ سۆزلەر چوقۇم پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئۆزىگە قارىتىلمايدۇ. چۈنكى، ئەجدادىمىز داۋۇت ئالەمدىن ئۆتۈپ، يەرگە كۆمۈلدى. ئۇنىڭ قەبرىسى بۈگۈنگىچە بۇ يەردە ساقلانماقتا. ئۇ بولسا پەيغەمبەر بولۇپ، خۇدانىڭ ئۇنىڭ تەختىگە ئۆز ئەۋلادىدىن بىرەيلەننى ۋارىسلىق قىلدۇرۇشقا قەسەم بىلەن ۋەدە بەرگەنلىكىنى بىلەتتى. پادىشاھ داۋۇت خۇدانىڭ ئالدىن ئېيتقانلىرىنىڭ چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلىپ، قۇتقۇزغۇچى- مەسىھنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى، يەنى ئۆلۈكلەر دىيارىدا تاشلاپ قويۇلمايدىغانلىقىنى ۋە تېنىنىڭ چىرىمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ سۆز خۇدا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن ھەزرىتى ئەيساغا قارىتىلغان بولۇپ، بىز بۇ ئىشنىڭ گۇۋاھچىلىرى. خۇدا ئۇنى تىرىلدۈرۈپ ئەرشكە ئېلىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنى چوڭ شان-شەرەپكە ئىگە قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرغۇزدى. ھەزرىتى ئەيسا خۇدائاتا ۋەدە قىلغان مۇقەددەس روھنى ئۇنىڭدىن ئالدى ۋە ھازىر كۆرۈۋاتقان، ئاڭلاۋاتقانلىرىڭلاردەك، بۇ روھنى بىزلەرگە چۈشۈردى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي ئىسرائىل قېرىنداشلار، شۇنى قەتئىي بىلىشىڭلار كېرەككى، خۇدا سىلەر كرېستكە مىخلاپ ئۆلتۈرگەن ھەزرىتى ئەيسانى ھەم رەببىمىز، ھەم بىزنى گۇناھلىرىمىزدىن ئازاد قىلىدىغان قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ قىلىپ تەيىنلىدى! - دېدى. پېترۇسنىڭ بۇ سۆزلىرى ئاڭلىغۇچىلارغا يۈرەككە سانجىلغان خەنجەردەك كۈچلۈك تەگدى. ئۇلار قايىل بولغىنىدىن پېترۇس ۋە باشقا ئەلچىلەردىن: - قېرىنداشلار، ئۇنداقتا قۇتقۇزۇلۇش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ - دەپ سوراشتى. پېترۇس ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: - گۇناھلىرىڭلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن، يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىڭلار ھەمدە ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلىقىڭلارنى كۆرسىتىش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، خۇدا سىلەرگە مۇقەددەس روھنى ئاتا قىلىدۇ. بۇ ۋەدىگە سىلەر ۋە سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلار ھەمدە دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا ياشاۋاتقانلارمۇ ئېرىشەلەيدۇ. چۈنكى، رەببىمىز خۇدا ئۆزى چاقىرغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئۆزىنىڭ روھىنى ئاتا قىلىدۇ. پېترۇس يەنە نۇرغۇن سۆزلەر بىلەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇردى ۋە ئۇلارغا: - سىلەر ئۆزۈڭلارنى خۇدانىڭ بۇ زاماننىڭ چىرىپ كەتكەن كىشىلىرىگە كېلىدىغان جازاسىدىن قۇتۇلدۇرۇڭلار! - دەپ ئاگاھلاندۇردى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. شۇ كۈنى، ئۈچ مىڭچە كىشى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە قوشۇلدى. ئۇلار باشقا ئېتىقادچىلار بىلەن دائىم جەم بولۇشۇپ ئەلچىلەرنىڭ تەلىمىنى ئاڭلاپ، ھەزرىتى ئەيسانى خاتىرىلەش ئۈچۈن ناننى بۆلۈشۈپ يېيىشەتتى ۋە دۇئا قىلىشاتتى. ئەلچىلەر نۇرغۇن مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسەتتى. خالايىقنى قورقۇنچ باستى. پۈتۈن ئېتىقادچىلار داۋاملىق بىللە ئىناق ياشاپ، سېنىڭ-مېنىڭ دېيىشمەي، بارىغا دوست بولۇشتى. مال-مۈلۈكلىرىنى سېتىپ، پۇلىنى ھەركىمنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ تەقسىم قىلىشتى. ھەر كۈنى، مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىرىپ، ئىبادەت قىلىشاتتى. ئۆيلىرىدىمۇ خۇشال-خۇراملىق ۋە ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن بىر-بىرىنى مېھمان قىلىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانى خاتىرىلەش ئۈچۈن ناننى بۆلۈشۈپ يېيىشەتتى. ئۇلار خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشۇپ، پۈتۈن شەھەردىكىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى. خۇدا ھەر كۈنى يېڭى ئېتىقادچىلارنى ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قوشاتتى. بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە، يەھۇدىيلار ئادىتى بويىچە مەركىزىي ئىبادەتخانىدا دۇئا قىلىدىغان ۋاقىتتا، پېترۇس بىلەن يۇھاننامۇ ئىبادەتخانىغا باردى. ئۇلار مەركىزىي ئىبادەتخانىغا يېقىنلاشقاندا، بىر تۇغما توكۇر ئادەممۇ بۇ يەرگە ئەكېلىنىۋاتقانىدى. ھەر كۈنى، كىشىلەر ئۇنى ئىبادەتخانىغا كىرگەنلەردىن سەدىقە تىلەپ جان باقسۇن دەپ، مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ «گۈزەل دەرۋازا» دەپ ئاتىلىدىغان ئىشىكى ئالدىغا ئەكېلىپ قوياتتى. توكۇر ئادەم پېترۇس بىلەن يۇھاننانىڭ مەركىزىي ئىبادەتخانىغا كىرىپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن سەدىقە تىلىدى. ئۇلار توكۇر ئادەمگە دىققەت بىلەن قارىغاندىن كېيىن، پېترۇس: - بىزگە قارا! - دېدى. تىلەمچى ئۇلاردىن بىر نەرسە كۈتۈپ، كۆزلىرىنى تىكىپ قاراپ تۇراتتى. بىراق، پېترۇس ئۇنىڭغا: - مەندە ئالتۇن ياكى كۈمۈش يوق. لېكىن، قولۇمدا بارىنى ساڭا بېرەي. ناسىرەلىك ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن بۇيرۇيمەنكى، ئورنۇڭدىن تۇرۇپ ماڭ! - دېدى-دە، ئۇنى ئوڭ قولىدىن تارتىپ، يۆلەپ تۇرغۇزدى. ئۇ ئادەمنىڭ پۇت ۋە ئوشۇق بېغىشلىرىغا شۇئان كۈچ كىرىپ، ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ مېڭىشقا باشلىدى. ئۇ مېڭىپ ۋە سەكرەپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇغان ھالدا ئۇلار بىلەن بىللە مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىردى. ئۇنىڭ مېڭىپ خۇداغا مەدھىيە ئوقۇغانلىقىنى كۆرگەن جامائەت ئۇنىڭ مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ «گۈزەل دەرۋازا»~سى ئالدىدا تىلەمچىلىك قىلىپ ئولتۇرىدىغان ھېلىقى كىشى ئىكەنلىكىنى تونۇپ، داڭ قېتىپ قېلىشتى. ھەممە ئادەم ھېلىقى پۇتى ساقايغان ئادەمنى كۆرۈش ئۈچۈن ئىبادەتخانىدىكى «سۇلايمان پېشايۋىنى» دېگەن يەرگە يۈگۈرۈپ كېلىشتى. ئۇلار ئۇنىڭ ساق پېتى پېترۇس بىلەن يۇھانناغا چىڭ ئېسىلىپ تۇرۇۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەيران بولۇشتى. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن پېترۇس خالايىققا مۇنداق دېدى: - ئىسرائىل قېرىنداشلار! بۇ ئىشقا نېمانچە ھەيران بولىسىلەر؟ بىزگە نېمانچە تىكىلىپ قارايسىلەر؟ سىلەر بىزنى ئۆز كۈچ-قۇدرىتى ياكى ئىخلاسمەنلىكىگە تايىنىپ بۇ ئادەمنى ماڭدۇردى، دەپ ئويلامسىلەر؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! ۋەھالەنكى، ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ قاتارلىق ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئۆزىنىڭ خىزمەتكارى بولغان ھەزرىتى ئەيسانىڭ شان-شەرىپىنى نامايان قىلدى. سىلەر شۇ ھەزرىتى ئەيسانى كېڭەشمىگە تۇتۇپ بەردىڭلار. ۋالىي پىلاتۇس ئۇنى قويۇپ بەرمەكچى بولغان بولسىمۇ، سىلەر پىلاتۇسنىڭ ئالدىدا ئۇنى رەت قىلىپ، «ئۆلتۈرۈش كېرەك!» دېدىڭلار. مۇقەددەس ۋە ئادىل بولغان ھەزرىتى ئەيسانى رەت قىلىپ، ۋالىي پىلاتۇستىن ئۇنىڭ ئورنىغا بىر قاتىلنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدىڭلار. شۇنداق قىلىپ، ھاياتلىقنى ياراتقۇچىنى ئۆلتۈردۈڭلار! بىراق، خۇدا ئۇنى تىرىلدۈردى. بىز مانا بۇ ۋەقەنىڭ گۇۋاھچىلىرى. مانا شۇ ھەزرىتى ئەيساغا قىلغان ئېتىقادىمىز بىلەن، بۇ توكۇر ئادەمگە كۈچ كىردى. سىلەر كۆرۈپ تۇرغان ۋە تونۇيدىغان بۇ ئادەم ھەزرىتى ئەيساغا بولغان ئېتىقاد ئارقىلىق ساپمۇساق بولدى. سىلەرمۇ بۇنى كۆردۈڭلار. قېرىنداشلار، مەن ئىشىنىمەنكى، سىلەر ۋە باشلىقلىرىڭلار ھەزرىتى ئەيساغا شۇنچە يامانلىق قىلغاندا، ئۆزۈڭلارنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىڭلارنى بىلمەيتتىڭلار. مانا بۇ خۇدانىڭ قۇتقۇزغۇچى- مەسىھنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ئۆلىدىغانلىقى توغرىسىدا پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقانلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھازىر يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىڭلار! خۇدانىڭ يولىغا قايتىڭلار! شۇنداق قىلغاندا، خۇدا گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىدۇ. ئۇ سىلەرگە يېڭى كۈچ ئاتا قىلىپ، ئۆزى بىز ئۈچۈن تەيىنلىگەن قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ بولغان ئەيسانى قېشىڭلارغا قايتىدىن ئەۋەتىدۇ. خۇدا بۇرۇنقى زامانلاردا مۇقەددەس پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق جاكارلىغىنىدەك، ھەممە مەۋجۇداتلار يېڭىلىنىدىغان ۋاقىت كەلمىگۈچە، ھەزرىتى ئەيسا ئەرشتە تۇرىدۇ. مۇسا پەيغەمبەر ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدە مۇنداق دېگەنىدى: «پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۆز قېرىنداشلىرىڭلار ئارىسىدىن ماڭا ئوخشاش بىر پەيغەمبەر تىكلەيدۇ. ئۇنىڭ سۆزلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلىشىڭلار كېرەك! چۈنكى، بۇ پەيغەمبەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدىغانلار خۇدانىڭ خەلقى قاتارىدىن چىقىرىلىپ يوقىتىلىدۇ.» دەرۋەقە، سامۇئىل پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن كېلىپ خۇدانىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى بۇ كۈنلەردە ھەزرىتى ئەيسا توغرىسىدا يۈز بېرىدىغان ئىشلارنىمۇ ئالدىن ئېيتقان. سىلەر بۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەۋلادلىرىسىلەر ۋە خۇدا ئەجدادىڭلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىنىڭ مىراسخورلىرىسىلەر. چۈنكى، خۇدا ئەجدادىمىز ئىبراھىمغا: «سېنىڭ ئەۋلادىڭ ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى ھەممە خەلقلەرگە بەخت ئاتا قىلىمەن» دەپ ۋەدە بېرىپ ئەھدە قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا ھەربىرىڭلارنى يامان يوللىرىڭلاردىن قايتۇرۇپ، بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، خىزمەتكارى ھەزرىتى ئەيسانى تىكلەپ، ئۇنى ئاۋۋال سىلەرگە ئەۋەتتى. پېترۇس بىلەن يۇھاننا خالايىققا گەپ قىلىۋاتقاندا، بىرنەچچە مويسىپىت روھانىيلار، مەركىزىي ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىنىڭ باشلىقى ۋە سادۇقىي دىنىي ئېقىمىدىكى بىرنەچچەيلەن كېلىپ قالدى. ئەلچىلەر خالايىققا: «خۇدا ھەزرىتى ئەيسانى ئاساس قىلىپ، ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرىدۇ» دەپ تەلىم بەرگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ كىشىلەر ئىنتايىن غەزەپلەندى. شۇڭا، ئۇلار پېترۇس بىلەن يۇھاننانى تۇتقۇن قىلدى. كەچ كىرىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار كېچىچە تۇتۇپ تۇرۇلدى. لېكىن، ئەلچىلەرنىڭ تەلىملىرىنى ئاڭلىغانلارنىڭ كۆپى ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. شۇنداق قىلىپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئەگىشىدىغان ئەرلەرنىڭ سانىلا بەش مىڭغا يەتتى. ئەتىسى، يەھۇدىيلارنىڭ كېڭەشمىسىدىكى بارلىق باشلىق، ئاقساقال ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى يېرۇسالېمدا توپلاندى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا باش روھانىي ھاننان، قاياپا، يەھيا، ئىسكەندەر ۋە باش روھانىينىڭ باشقا تۇغقانلىرىمۇ بار ئىدى. ئۇلار پېترۇس بىلەن يۇھاننانى ئالدىغا چاقىرتىپ: - سىلەر بۇ ئىشنى قايسى كۈچ-قۇدرەتكە تايىنىپ، كىمنىڭ نامى بىلەن قىلدىڭلار؟ - دەپ سورىدى. پېترۇس مۇقەددەس روھقا چۆمگەن ھالدا مۇنداق دېدى: - خەلقىمىزنىڭ ھۆرمەتلىك رەھبەرلىرى ۋە ئاقساقاللىرى! ئەگەر بىز بۈگۈن بۇ توكۇر ئادەمگە كۆرسەتكەن ياخشى ئىش ھەم ئۇنىڭ قانداق ساقايتىلغانلىقى سەۋەبلىك سوراققا تارتىلغان بولساق، سىلەر ۋە پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، ئۇنى پۈتۈنلەي ساقايتىپ ئالدىڭلاردا تۇرغۇزغان كۈچ-قۇدرەت ناسىرەلىك ئەيسا مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدۇر! سىلەر ھەزرىتى ئەيسانى كرېستكە مىخلاپ ئۆلتۈرگەن بولساڭلارمۇ، لېكىن خۇدا ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى. مۇقەددەس يازمىلاردا ئۇ ھەققىدە مۇنداق يېزىلغان: «تامچىلار تاشلىۋەتكەن بۇ تاش قۇرۇلۇشنىڭ ئۇل تېشى بولۇپ قالدى.» ھەزرىتى ئەيسا دەل شۇ «تاش»~تۇر! پەقەت ھەزرىتى ئەيسالا بىزنى قۇتقۇزالايدۇ. چۈنكى، پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇنياسىدا ھەزرىتى ئەيسادىن باشقا، خۇدا تەيىنلىگەن ھېچقانداق قۇتقۇزغۇچى يوقتۇر! پېترۇس بىلەن يۇھاننانىڭ بۇ جۈرئىتىنى كۆرگەن كېڭەشمە ھەيئەتلىرى ئۇلارنىڭ ئوقۇمىغان ئادەتتىكى ئادەملەردىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ھەيران بولۇشتى. ئۇلارنىڭ بۇرۇن ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىللە بولغانلىقىنىمۇ بىلدى. لېكىن، ساقىيىپ كەتكەن ھېلىقى ئادەم پېترۇس بىلەن يۇھاننانىڭ يېنىدا پاكىت بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ھېچقانداق گەپ ياندۇرالمىدى. شۇنىڭ بىلەن، كېڭەشمە ھەيئەتلىرى ئۇلارنى كېڭەشمىدىن چىقىشقا بۇيرۇدى. ئاندىن: - بۇلارنى قانداق قىلىمىز؟ ئۇلار كۆرسەتكەن ئاجايىپ مۆجىزىنى پۈتۈن يېرۇسالېم خەلقى بىلىدىكەن، بىز مۇنداق ئىش بولمىغان دېيىشكە ئامالسىز. لېكىن، بۇ ئىشنىڭ خەلق ئىچىدە تېخىمۇ كەڭ تارقىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلارغا بۇندىن كېيىن ئەيسا توغرىسىدا ھېچكىمگە بىر نېمە دېمەسلىككە ئاگاھلاندۇرۇش بېرەيلى! - دەپ مەسلىھەت قىلىشتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ئەلچىلەرنى چاقىرتىپ، قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇندىن كېيىن ھەزرىتى ئەيسانىڭ نامىدا سۆزلەپ تەلىم بەرمەسلىكنى بۇيرۇدى. لېكىن، پېترۇس بىلەن يۇھاننا: - خۇدانىڭ ئالدىدا سىلەرگە بويسۇنۇش توغرىمۇ ياكى خۇداغىمۇ؟ بۇنىڭغا ئۆزۈڭلار بىر نېمە دەڭلار! ئەمما بىز كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى ئېيتماي تۇرالمايمىز! - دەپ جاۋاب بەردى. كېڭەشمە ھەيئەتلىرى بولسا خالايىقتىن قورقۇپ، ئەلچىلەرنى جازالاشقا لايىق سەۋەب تاپالماي، ئۇلارنى تېخىمۇ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ، قويۇپ بەردى. چۈنكى، خالايىق خۇداغا مەدھىيە ئوقۇۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبى قىرىق يىلدىن بېرى توكۇر ھېلىقى ئادەمنىڭ ساقىيىپ كەتكەنلىكىدىن ئىدى. پېترۇس بىلەن يۇھاننا قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، باشقا ئېتىقادچىلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، كېڭەشمىدىكى ئالىي روھانىيلار ۋە ئاقساقاللارنىڭ قىلغان سۆزلىرىنى كۆپچىلىككە ئۇقتۇردى. ئېتىقادچىلار بۇنى ئاڭلىغاندا، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە خۇداغا مۇنداق دۇئا قىلدى: - ئى ئىگىمىز، ئاسمان-زېمىن، دېڭىز-ئوكيانلارنى ۋە ئۇلاردىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياراتقان ئۆزۈڭ. سەن مۇقەددەس روھ بىلەن خىزمەتكارىڭ بولغان ئەجدادىمىز پادىشاھ داۋۇت ئارقىلىق مۇنداق دېگەنغۇ: «نېمە ئۈچۈن كاپىرلار خۇدادىن غەزەپلىنىدىغاندۇ؟ نېمە ئۈچۈن خەقلەر بىكاردىن-بىكار سۇيىقەست قىلىدىغاندۇ؟ دۇنيادىكى پادىشاھلار سەپ تارتىپ، خۇدا ۋە ئۇ تەيىنلىگەن قۇتقۇزغۇچىسىغا قارشى جەم بولۇشتى.» دەل شۇ ئەھۋال بىزنىڭ شەھىرىمىزدە يۈز بەردى! ھىرود خان بىلەن ۋالىي پىلاتۇس رىملىق لەشكەرلەر ۋە ئىسرائىل خەلقى بىلەن بىرلىشىپ، مۇقەددەس خىزمەتكارىڭ، ئۆزۈڭ تەيىنلىگەن قۇتقۇزغۇچى ئەيساغا قارشى توپلاندى. ئۇلار بىلمەستىنلا ئۆز كۈچ-قۇدرىتىڭ ۋە ئىرادەڭ بىلەن بۇرۇنلا ئورۇنلاشتۇرغان ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئى رەببىمىز، ئەمدى ئۇلارنىڭ سېنىڭ خىزمەتكارلىرىڭ بولغان بىزگە سېلىۋاتقان تەھدىتلىرىنى كۆرگەيسەن! سۆزلىرىڭنى يۈرەكلىك يەتكۈزۈشىمىزگە مەدەت بەرگەيسەن. ئۆز قۇدرىتىڭنى كۆرسىتىپ، مۇقەددەس خىزمەتكارىڭ ئەيسانىڭ نامىدىن كېسەللەرنى ساقايتىپ، مۆجىزە ۋە كارامەتلەر ياراتقايسەن. ئۇلارنىڭ دۇئالىرى ئاياغلاشقاندا، ئۇلارنىڭ تۇرغان يېرى تەۋرىنىپ كەتتى. ئۇلار مۇقەددەس روھقا چۆمۈپ، خۇدانىڭ سۆزلىرىنى يۈرەكلىك يەتكۈزۈشكە باشلىدى. ئېتىقادچىلار بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئىدى. ھېچكىم ئۆزىگە تېگىشلىك پۇل-مېلىنى «ئۆزۈمنىڭ» دېمەيتتى، بارىغا ئورتاق ئىدى. ئەلچىلەر خۇدانىڭ زور كۈچ-قۇدرىتى بىلەن رەببىمىز ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرەتتى. خۇدا ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە مول بەخت ئاتا قىلغانىدى. ئۇلارنىڭ ھېچنېمىگە ھاجىتى چۈشمەيتتى. چۈنكى، بەزىلەر يەر-زېمىنى، ئۆي-جايىنى سېتىپ، پۇلىنى ئەلچىلەرگە تاپشۇراتتى. ئەلچىلەر پۇلنى ھەركىمنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ تەقسىم قىلاتتى. مەسىلەن، مەركىزىي ئىبادەتخانىدا ئىشلەيدىغان لاۋىيلاردىن سىپرۇستا تۇغۇلغان يۈسۈپ ئىسىملىك بىر ئېتىقادچى بار ئىدى. ئەلچىلەر ئۇنى بارنابا، يەنى «رىغبەتلەندۈرگۈچى» دەپ ئاتايتتى. ئۇمۇ ئۆزىنىڭ بىر پارچە ئېتىزىنى سېتىپ، پۇلىنى ئەلچىلەرگە تاپشۇردى. ھانانىيا ئىسىملىك يەنە بىر ئادەممۇ ئايالى سەپىرە بىلەن بىر پارچە يېرىنى ساتتى. ھانانىيا بىر قىسىم پۇلنى ئۆزىگە قالدۇردى. ئاشقان پۇلنى، «يېرىمىزنىڭ ھەممە پۇلى مۇشۇ» دەپ، ئەلچىلەرگە تاپشۇردى. ئايالىمۇ بۇنىڭدىن تولۇق خەۋەردار ئىدى. پېترۇس ئۇنىڭغا: - ھانانىيا، نېمىشقا قورسىقىڭغا شەيتاننى كىرگۈزۈپ، يەر ساتقان پۇلنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزۈڭگە قالدۇرۇش بىلەن مۇقەددەس روھقا يالغان ئېيتتىڭ؟ يەر سېتىلمىغاندا، سېنىڭ ئىدى. سېتىلغاندىن كېيىن، پۇلمۇ ئۆزۈڭنىڭ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، يەنە نېمىشقا غەرەزلىك ھالدا: «پۇلنىڭ ھەممىسى مۇشۇ» دەپ كەلدىڭ؟ سەن ئىنسانغىلا ئەمەس، خۇداغىمۇ يالغان ئېيتتىڭ! - دېدى. ھانانىيا بۇ سۆزنى ئاڭلىغان ھامان يىقىلىپ، جان ئۈزدى. بۇ ئىشنى ئاڭلىغۇچىلار بەك قورقۇشۇپ كەتتى. ياشلاردىن بىرنەچچىسى كىرىپ، جەسەتنى كېپەنلەپ، سىرتقا ئاپىرىپ دەپنە قىلدى. تەخمىنەن ئۈچ سائەتتىن كېيىن، ھانانىيانىڭ ئايالى كىرىپ كەلدى. بىراق، ئۇ بولغان ۋەقەدىن تېخى خەۋەر تاپمىغانىدى. پېترۇس ئۇنىڭدىن: - ماڭا ئېيتىڭ، سىلەر يەر ساتقان پۇلنىڭ ھەممىسى مۇشۇمۇ؟ - دەپ سورىدى. - شۇنداق، ھەممىسى شۇ، - دەپ جاۋاب بەردى ئۇ. پېترۇس: - سىلەر نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس روھنى سىناپ تىل بىرىكتۈردۈڭلار؟ قاراڭ، ئېرىڭىزنى دەپنە قىلىپ كەلگەنلەر ئىشىك ئالدىدا تۇرىدۇ، ئۇلار سىزنىمۇ ئەكېتىدۇ! - دېدى. ئۇمۇ شۇئان پېترۇسنىڭ ئالدىغا يىقىلىپ، جان بەردى. ھېلىقى ياشلار كىرىپ، ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىمۇ ئېلىپ بېرىپ ئېرىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلدى. پۈتۈن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى ۋە بۇ ئىشنى ئاڭلىغانلارنى قاتتىق قورقۇنچ باستى. ئەلچىلەر خەلق ئىچىدە نۇرغۇن مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسەتتى. بارلىق ئېتىقادچىلار مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى «سۇلايمان پېشايۋىنى»~دا دائىم جەم بولاتتى. كىشىلەر ئۇلارنى ھۆرمەتلىسىمۇ، بىراق ئۇلارغا قوشۇلۇشقا جۈرئەت قىلالمايتتى. شۇنداق بولسىمۇ، رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلىپ، جامائەتچىلىككە قوشۇلغان ئەر-ئاياللار بارغانسېرى كۆپەيگىلى تۇردى. يارىتىلغان مۆجىزىلەر سەۋەبىدىن خەقلەر كېسەل كىشىلەرنى كوچىلارغا ئېلىپ چىقىپ، كۆرپە ۋە زەمبىللەرگە ياتقۇزۇپ قوياتتى. ئۇلار «پېترۇس يولدىن ئۆتكەندە، كېسەللەرگە قولىنى تەگكۈزمىسىمۇ، ھېچبولمىغاندا سايىسى چۈشۈپ، ساقىيىپ كەتسۇن!» دەپ ئويلايتتى. يەنە توپ-توپ كىشىلەر يېرۇسالېم يېنىدىكى شەھەر-يېزىلاردىن كېسەللەرنى ۋە جىن چاپلىشىۋالغان كىشىلەرنى ئېلىپ كېلەتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساقىيىپ قايتىشاتتى. باش روھانىي ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى، يەنى شۇ يەرلىك سادۇقىي دىنىي ئېقىمىدىكىلەر ئەلچىلەرنى زادى كۆرەلمەيتتى. شۇڭا، ئۇلار ئەلچىلەرنى تۇتۇپ، ھۆكۈمەت زىندانىغا قامىدى. لېكىن شۇ كېچە، خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى زىنداننىڭ قاتمۇقات دەرۋازىلىرىنى ئېچىپ، ئەلچىلەرنى ئېلىپ چىقىپ، ئۇلارغا: - سىلەر مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىرىپ، جامائەتكە يېڭى ھايات توغرىسىدىكى تەلىملەرنىڭ ھەممىسىنى ئېيتىڭلار، - دەپ بۇيرۇدى. ئەلچىلەر بۇ سۆز بويىچە تاڭ ئاتقاندا مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىرىپ، كىشىلەرگە تەلىم بېرىشكە باشلىدى. باش روھانىي ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى ئەلچىلەرنى سوراق قىلىش ئۈچۈن، ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرىنى ئالىي كېڭەشمىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا چاقىردى. ئاندىن، زىنداندىكى ئەلچىلەرنى ئېلىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى. لېكىن، ئۇلار زىندانغا يېتىپ بارغاندا، ئەلچىلەرنىڭ ئۇ يەردە يوقلۇقىنى بايقاپ قايتىپ بېرىپ، كېڭەشمىدىكىلەرگە: - بىز زىندانغا بارساق، ئۇنىڭ ئىشىكى مەھكەم قۇلۇپلاقلىق تۇرۇپتۇ. سىرتىدا قاراۋۇللارمۇ ساقلاپ تۇرۇپتۇ. لېكىن، ئىشىكنى ئېچىپ قارىساق، ئىچىدە بىرمۇ ئادەم يوق! - دەپ مەلۇمات بەردى. مەركىزىي ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىنىڭ باشلىقى ۋە ئالىي روھانىيلار بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، گاڭگىراپ قېلىشتى. «ئەمدى بۇ ئىش قانداق بولار» دەپ، ئۆز-ئۆزىدىن سوراشقا باشلىدى. دەل شۇ چاغدا، بىر كىشى كىرىپ: - سىلەر زىندانغا تاشلىغان ئادەملەر مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىدا جامائەتكە تەلىم بېرىۋاتىدىغۇ! - دەپ خەۋەر قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ھېلىقى قاراۋۇللار باشلىقى قول ئاستىدىكىلەرنى باشلاپ بېرىپ، ئەلچىلەرنى ئېلىپ كەلدى. بىراق، خەلقنىڭ ئۆزلىرىنى چالما-كېسەك قىلىشىدىن قورقۇپ، ئۇلارغا زورلۇق ئىشلەتمىدى. ئۇلار ئەلچىلەرنى ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇلارنى كېڭەشمە ھەيئەتلىرى ئالدىدا تۇرغۇزدى. باش روھانىي ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشقا باشلاپ: - بىز سىلەرنى ئەيسا ھەققىدە كىشىلەرگە تەلىم بەرمەڭلار، دەپ قاتتىق چەكلىگەنىدۇق. لېكىن، سىلەر يەنە شۇ تەلىمىڭلارنى پۈتۈن يېرۇسالېمغا يايدىڭلار ھەمدە ئەيسانىڭ قان قەرزىنى بىزگە ئارتماقچى بولۇۋاتىسىلەر! - دېدى. پېترۇس ۋە باشقا ئەلچىلەر جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: - بىز ئىنسانغا ئەمەس، خۇداغا بويسۇنۇشىمىز كېرەك! سىلەر ھەزرىتى ئەيسانى كرېستكە مىخلاپ ئۆلتۈردۈڭلار. لېكىن، ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئۇنى تىرىلدۈردى. خۇدا ئىسرائىل خەلقىنىڭ گۇناھلىرىغا توۋا قىلىپ، كەچۈرۈمگە ئېرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن، ھەزرىتى ئەيسانى يېتەكچى ھەم قۇتقۇزغۇچى قىلىپ ئۆزىنىڭ ئوڭ يېنىغا ئولتۇرغۇزدى. بىز بۇ ئىشلارنىڭ گۇۋاھچىلىرى. خۇدا ئۆزىگە ئىتائەت قىلغۇچىلارغا ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھمۇ بۇ ئىشلارنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئالىي كېڭەشمە ھەيئەتلىرى بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئىنتايىن غەزەپلەندى ۋە ئەلچىلەرنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇشتى. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پۈتۈن خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان پەرىسىي دىنىي ئېقىمىدىكى غامالىيىل ئىسىملىك بىر تەۋرات ئۇستازى بار ئىدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ: - ئۇلارنى بىر دەم سىرتقا چىقىرىپ تۇرۇڭلار، - دەپ بۇيرۇدى. ئاندىن، ئۇ كېڭەشمە ھەيئەتلىرىگە مۇنداق دېدى: - ئەي ئىسرائىللار، سىلەر بۇ كىشىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئېھتىيات قىلىڭلار! ئۆتكەندە، ھېلىقى ئەبلەخ تەۋداس ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ، ۋەقە چىقاردى. ئۇنىڭغا تەخمىنەن تۆت يۈز ئادەم ئەگەشكەنىدى. بىراق، ئۇ رىملىقلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. ئەگەشكۈچىلىرى تارقىلىپ كېتىپ، ئىشى يوققا چىقتى. كېيىن نوپۇس تىزىملاش ۋاقتىدا، جەلىلىيىلىك يەھۇدامۇ باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، بىر توپ كىشىنى توپلاپ ئۆزىگە ئەگەشتۈرگەن. ئۇمۇ ئۆلتۈرۈلۈپ، ئەگەشكۈچىلىرىمۇ تارقىتىۋېتىلگەن. ئەمدى بۇ كىشىلەرگە كەلسەك، مېنىڭچە ئەڭ ياخشىسى ئۇلارنى قويۇپ بېرىڭلار. ئۇلار بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن! ئەگەر ئۇلارنىڭ مەقسىتى ۋە قىلىۋاتقىنى پەقەت ئىنساننىڭ ئىشى بولسىلا، جەزمەن مەغلۇپ بولىدۇ. ئەگەر خۇدادىن بولسا، سىلەر ئۇلارنى يوقىتالمايسىلەر! ھەتتا ئۆزۈڭلارنى خۇداغا قارشى ئورۇنغا قويغان بولىسىلەر! ئالىي كېڭەشمە غامالىيىلنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئەلچىلەرنى چاقىرتىپ كىرىپ، ئۇلارنى قامچىلىتىپ، ھەرگىز ھەزرىتى ئەيسا توغرۇلۇق تەلىم بەرمەسلىكنى بۇيرۇدى. ئاندىن، ئۇلارنى قويۇپ بەردى. ئەلچىلەر كېڭەشمىدىن چىقىپ، خۇدانىڭ ئۆزلىرىنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ نامى ئۈچۈن خورلۇق ئازابى چېكىشكە لايىق كۆرگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولۇشتى. ئۇلار يەنىلا ھەر كۈنى مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىدا ۋە ئۆيلىرىدىمۇ تەلىم بېرىپ، «ھەزرىتى ئەيسا - قۇتقۇزغۇچى- مەسىھتۇر!» دەپ، توختىماستىن خۇش خەۋەر تارقىتىۋەردى. شۇ كۈنلەردە، ئېتىقادچىلارنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ بارماقتا ئىدى. بىراق، گرېكچە سۆزلەيدىغان بەزى يەھۇدىيلار يەرلىك يەھۇدىيلاردىن رەنجىپ قالغانىدى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، كۈندىلىك تاماقنى تەقسىم قىلىشتا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى تۇل ئاياللارغا بېرىلگەن تاماق باشقىلارنىڭكىدىن ئاز ئىكەن. شۇڭا، ئون ئىككى ئەلچى پۈتۈن ئېتىقادچىلارنى يىغىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - بىز ئەلچىلەرنىڭ خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزۈش خىزمىتىنى تاشلاپ قويۇپ، ئوزۇق-تۈلۈك تەقسىملەش بىلەن بولۇپ كېتىشىمىز توغرا ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن قېرىنداشلار، ئاراڭلاردىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان، مۇقەددەس روھقا چۆمگەن، دانا كىشىدىن يەتتىنى تاللاڭلار. بۇ ئىشلارنى شۇلار باشقۇرسۇن. بىز بولساق ئۆزىمىزنى دۇئا قىلىش ۋە خۇش خەۋەر ھەققىدە تەلىم بېرىشكە بېغىشلايلى. ئەلچىلەرنىڭ تەكلىپىگە ھەممەيلەن قوشۇلۇشتى. شۇنىڭ بىلەن، كۆپچىلىك ئىمانى كامىل ۋە مۇقەددەس روھقا چۆمگەن ئىستىپان ئىسىملىك بىر ئېتىقادچىنى تاللىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، فىلىپ، پروكورۇس، نىكانور، تىمون، پارمېناس ھەمدە بۇرۇن يەھۇدىي دىنىغا كىرگەن ئانتاكيالىق نىكولاسلارنى تاللاپ، ئۇلارنى ئەلچىلەرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ چىقتى. ئەلچىلەر ئۇلارنى بۇ خىزمەتكە تەيىنلەش ئۈچۈن، قوللىرىنى ئۇلارنىڭ ئۇچىسىغا تەگكۈزۈپ تۇرۇپ دۇئا قىلىشتى. خۇدانىڭ سۆزى داۋاملىق تارقالغانسېرى، يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلارنىڭ سانىمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى. نۇرغۇن روھانىيلارمۇ ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە كۈچ-قۇدرىتىگە تولغان ئىستىپان خەلق ئىچىدە زور مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسەتتى. بىراق، كىرىنى ۋە ئىسكەندەرىيە شەھەرلىرى ھەم كىلىكىيە ۋە ئاسىيا ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن، قۇللۇقتىن ئازاد بولغانلىقى ئۈچۈن «ھۆرلەر» دەپ ئاتالغان ئىبادەتخانىنىڭ ئەزالىرى بولغان بەزى يەھۇدىيلار ئىستىپانغا قارشى چىقىپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرە قىلىشقا باشلىدى. لېكىن، مۇقەددەس روھ ئىستىپانغا ئەقىل-پاراسەت بەرگەچكە، ئۇلار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە تاقابىل تۇرۇشقا ئامالسىز قالدى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار بەزى ئادەملەرنىڭ گېلىنى ياغلاپ: - بىز بۇ ئادەمنىڭ مۇسا پەيغەمبەر ۋە خۇداغا قارىتا كۇپۇرلۇق سۆزلىگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق، - دەپ تۆھمەت قىلدۇردى. ئۇلار مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن خەقنى، ئاقساقاللارنى ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىنى قۇترىتىپ، ئىستىپاننى تۇتقۇن قىلدۇرۇپ، ئۇنى ئالىي كېڭەشمىگە ئېلىپ باردى. ئۇلارغا سېتىلغان ساختا گۇۋاھچىلار ئوتتۇرىغا چىقىپ: - بۇ ئادەم ھەمىشە بۇ مۇقەددەس مەركىزىي ئىبادەتخانىمىزغا ۋە تەۋرات قانۇنىمىزغا قارشى سۆزلەرنى قىلىدۇ. بىز ئۇنىڭ: «ناسىرەلىك ئەيسا بۇ ئىبادەتخانىنى گۇمران قىلىدۇ، مۇسا پەيغەمبەردىن مىراس قالغان ئەنئەنىۋى قائىدە-تۈزۈملىرىمىزنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ!» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق، - دېدى. كېڭەشمىدە ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ئىستىپانغا كۆز تىكىپ قارىغىنىدا، ئۇنىڭ چىرايىنىڭ خۇددى پەرىشتىنىڭ چىرايىغا ئوخشاش پارقىراۋاتقانلىقىنى كۆردى. باش روھانىي ئىستىپاندىن: - ئۇلارنىڭ ئەرزلىرى راستمۇ؟ - دەپ سورىدى. ئىستىپان مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئاتىلار ۋە ئاكا-ئۇكىلار، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئەجدادىمىز ئىبراھىم تېخى مېسوپوتامىيە رايونىدىن ھاران شەھىرىگە كۆچۈپ بارمىغان ۋاقىتتا، شانۇشەۋكەتلىك خۇدا ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ: «سەن ئۆز يۇرتۇڭ ۋە ئۇرۇق-جەمەتىڭدىن ئايرىلىپ، مەن كۆرسەتمەكچى بولغان يەرگە بارغىن» دېگەنىدى. بۇنىڭ بىلەن، ئەجدادىمىز ئىبراھىم كالدانىلارنىڭ زېمىنى بولغان ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ، ھاران شەھىرىگە بېرىپ ئورۇنلاشتى. ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن، خۇدا ئۇنى بۇ جايغا، يەنى سىلەر ھازىر تۇرۇۋاتقان جايغا يۆتكەپ كەلدى. ئۇ ۋاقىتتا، خۇدا ئۇنىڭغا تەۋە بىر غېرىچمۇ يەر بەرمىگەنىدى. بىراق، ئىبراھىمنىڭ تېخىچە پەرزەنتى بولمىغان بولسىمۇ، خۇدا ۋەدە قىلىپ، بۇ زېمىننى ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا بەرمەكچى بولدى. خۇدا ئەجدادىمىز ئىبراھىمغا مۇنداق دېد: «سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ مەلۇم بىر چەت دۆلەتتە مۇساپىرلىقتا تۆت يۈز يىل قۇل بولۇپ خورلۇقتا ياشايدۇ. بىراق، ئۇلارنى قۇل قىلغان خەلققە جازا بېرىمەن. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئەۋلادلىرىڭ ئۇ يەردىن چىقىپ، بۇ يەردە ماڭا ئىبادەت قىلىدۇ.» كېيىن، خۇدا ئىبراھىمغا: «سەن بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنىڭ بەلگىسى خەتنە قىلىش بولسۇن» دېدى. ئەجدادىمىز ئىبراھىمدىن ئىسھاق تۆرەلدى. ئۇ تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى، خەتنىسى قىلىندى. ئىسھاقتىن ئىسرائىللارنىڭ ئاتىسى بولغان ياقۇپ تۆرەلدى. ياقۇپتىن ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ بوۋىلىرى بولغان ئون ئىككى ئوغۇل تۆرەلدى. ئۇلارنىڭمۇ خەتنىسى قىلىندى. كېيىن، ئەجدادىمىز ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى ئىنىسى يۈسۈپتىن ھەسەت قىلىپ، ئۇنى مىسىرغا بارىدىغان سودىگەرلەرگە قۇل ئورۇندا سېتىۋەتتى. لېكىن، خۇدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغاچقا، ئۇنى پۈتۈن تارتقان قىيىنچىلىقىدىن قۇتقۇزۇپ، ئۇنىڭغا دانىشمەنلىك ئاتا قىلىپ، مىسىر پادىشاھىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتۈردى. پادىشاھ ئۇنى مىسىرغا باش ۋەزىر ۋە ئوردىنىڭ باش غوجىدارى قىلدى. كېيىن، پۈتۈن مىسىر ۋە قانان يەرلىرىدە ئېغىر ئاچارچىلىق يۈز بېرىپ، زور ئاپەت بولدى. ئەجدادلىرىمىز ئوزۇق-تۈلۈكسىز قالدى. مىسىرنىڭ ئامبىرىدا ئاشلىق بارلىقىنى ئاڭلىغان ياقۇپ ئوغۇللىرىنى، يەنى ئەجدادلىرىمىزنى ئۇ يەرگە ئەۋەتتى. بىرىنچى قېتىم بارغاندا، ئۇلار ئىنىمىز يۈسۈپ ئۆلگەن دەپ، ئۇنى تونۇمىغانىدى. شۇڭا، ئىككىنچى قېتىم بارغاندا، ئەجدادىمىز يۈسۈپ ئاكىلىرىغا ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇلارنىمۇ پادىشاھقا تونۇشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن، ئەجدادىمىز يۈسۈپ ئاتىسى - ئەجدادىمىز ياقۇپنىڭ ئالدىغا ئاكىلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇنى پۈتۈن ئائىلە-جەمەتى بىلەن، جەمئىي يەتمىش بەش كىشىنى مىسىرغا تەكلىپ قىلدى. ئەجدادىمىز ياقۇپ مىسىرغا بېرىپ، كېيىن ئەۋلادلىرى بىلەن شۇ يەردە ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى شەكەم شەھىرىگە قايتۇرۇلۇپ، ئەجدادىمىز ئىبراھىم بۇرۇن ھامۇرنىڭ ئوغۇللىرىدىن سېتىۋالغان يەرلىككە قويۇلدى. خۇدا ئەجدادىمىز ئىبراھىمغا: «سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى قۇللۇقتىن ئازاد قىلىمەن» دېگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ۋاقىت يېتىپ كېلىشكە ئاز قالغاندا، مىسىردىكى يەھۇدىيلارنىڭ نوپۇسى خېلى كۆپەيگەنىدى. ئۇ ۋاقىتتا، ئەجدادىمىز يۈسۈپنىڭ مىسىر خەلقىگە قىلغان ياخشى ئىشلىرىدىن خەۋىرى بولمىغان يېڭى بىر پادىشاھ مىسىردا تەختكە چىقتى. بۇ پادىشاھ ئەجدادلىرىمىزنى ھىيلە-مىكىرلەر بىلەن ئېزىپ خورلىدى، ھەتتا ئۇلارنى ئۆز بوۋاقلىرىنى تاشلىۋېتىشكە مەجبۇر قىلدى. مۇسا پەيغەمبەر مانا شۇ چاغلاردا تۇغۇلغانىدى. ئۇ خۇدانىڭ نەزىرىدە ئالاھىدە بالا ئىدى. ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئۆيدە ئۈچ ئاي باققاندىن كېيىن، سىرتقا تاشلىۋېتىشكە مەجبۇر بولدى. بىراق، پادىشاھنىڭ قىزى ئۇنى قۇتقۇزۇپ، ئۆز ئوغلى قىلىپ چوڭ قىلدى. مۇسا پەيغەمبەر مىسىرلىقلارنىڭ ئالىي بىلىملىرى بىلەن تەربىيىلىنىپ، سۆز قابىلىيىتى ۋە ئىش بېجىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئادەم بولۇپ چىقتى. ئۇ قىرىق ياشلارغا كىرگەندە، ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان يەھۇدىيلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش قارارىغا كەلدى. ئۇ بىر مىسىرلىقنىڭ بىر يەھۇدىي قۇلنى سەۋەبسىزلا بوزەك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى قوغداپ، يولسىزلىق قىلغان مىسىرلىقنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىپ بەردى. ئۇ، خۇدانىڭ مەن ئارقىلىق يەھۇدىيلارنى قۇتقۇزىدىغانلىقىنى يەھۇدىي قېرىنداشلىرىم چۈشىنىدىغۇ دەپ ئويلىغانىدى. لېكىن، ئۇلار بۇنى چۈشەنمىدى. ئەتىسى، مۇسا پەيغەمبەر ئىككى يەھۇدىي قېرىنداشنىڭ ئۇرۇشۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنى ياراشتۇرماقچى بولۇپ: ˜سىلەر قېرىنداش تۇرۇپ، نېمىشقا بىر-بىرىڭلارغا يولسىزلىق قىلىسىلەر؟Œ دېدى. قېرىندىشىنى بوزەك قىلغان كىشى مۇسا پەيغەمبەرنى ئىتتىرىۋېتىپ: ˜كىم سېنى بىزگە باشلىق ياكى سوراقچى بولسۇن دەپتۇ!؟ مېنىمۇ تۈنۈگۈنكى مىسىرلىقنى ئۆلتۈرگەندەك ئۆلتۈرمەكچىمۇسەن؟Œ دېدى. مۇسا پەيغەمبەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، بۇ ئىشنى باشقىلارمۇ بىلىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قورقۇپ، مىسىردىن مىدىيان رايونىغا قېچىپ باردى ۋە ئۇ يەردە مۇساپىر بولۇپ تۇرۇپ قېلىپ، ئىككى ئوغۇلغا ئاتا بولدى. قىرىق يىلدىن كېيىن، مۇسا پەيغەمبەرگە سىناي تېغىنىڭ يېنىدىكى چۆلدە كۆيۈۋاتقان تىكەنلىكنىڭ ئوت يالقۇنىدا بىر پەرىشتە كۆرۈندى. بۇ ھالنى كۆرگەن مۇسا پەيغەمبەر ئىنتايىن ھەيران بولۇپ، تېگى-تەكتىنى بىلىش ئۈچۈن تىكەنلىكنىڭ يېنىغا باردى. بۇ چاغدا، ئۇ خۇدانىڭ: «مەن سېنىڭ ئەجدادلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بولىمەن» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدى. مۇسا پەيغەمبەر قورقۇنچتا تىترەپ، قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى. خۇدا ئۇنىڭغا يەنە: ˜سەن تۇرۇۋاتقان يەر مۇقەددەستۇر. شۇڭا، ئايىغىڭنى سېلىۋەت! مەن مىسىردىكى بەندىلىرىمنىڭ خارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ نالە-پەريادلىرىنى ھەقىقەتەن ئاڭلىدىم. شۇڭا، مەن ئۇلارنى قۇتقۇزغىلى چۈشتۈم. ئەمدى بارغىن. مەن سېنى مىسىرغا ئەۋەتەي!» دېدى. مانا شۇ مۇسا پەيغەمبەرنى ھېلىقى يەھۇدىيلار: «كىم سېنى بىزگە باشلىق ياكى سوراقچى بولسۇن دەپتۇ!؟» دەپ رەت قىلغانىدى. لېكىن، مۇسا پەيغەمبەرگە خۇدانىڭ پەرىشتىسى كۆيۈۋاتقان تىكەنلىكتە كۆرۈنۈپ: «ئىسرائىل خەلقىنى قۇتقۇزۇپ، ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىسەن» دەپ، ئۇنى مىسىرغا ئەۋەتتى. ئەنە شۇ مۇسا پەيغەمبەر خەلققە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنى مىسىردىن چىقارغانىدى ھەمدە مىسىردا قىزىل دېڭىزنىڭ بويىدا ۋە قىرىق يىلنى ئۆتكۈزگەن شۇ چۆللەردە غايەت زور مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسەتكەنىدى. شۇ مۇسا پەيغەمبەر ئۆزى ئۇلارغا: «خۇدا قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدىن ماڭا ئوخشاش بىر پەيغەمبەرنى تىكلەيدۇ» دېگەنىدى. ئۇ چۆللەردە ئەجدادلىرىمىزغا باشچىلىق قىلغان ۋاقىتلاردا، سىناي تېغىدا خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا يەنە كۆرۈنۈپ، سۆز قىلدى. مۇسا پەيغەمبەر ھاياتلىق بەخش ئېتىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئەجدادلىرىمىزغا ۋە ئۇلار ئارقىلىق بىزگە يەتكۈزدى. شۇنداق بولسىمۇ، ئەجدادلىرىمىز مۇسا پەيغەمبەرنىڭ گېپىگە كىرمەي، ئۇنى رەت قىلىپ، كۆڭلىدە مىسىرغا قايتىشنى ئارزۇ قىلدى. مۇسا پەيغەمبەر سىناي تېغىدىن تېخى چۈشمىگەن ۋاقىتتا، ئۇلار ئۇنىڭ ئاكىسى ھارۇنغا: «بىزگە يول باشلايدىغان بۇتلار ياساپ بېرىڭ! بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ھېلىقى مۇسانىڭ نېمە بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمىدۇق» دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار موزاي سۈرىتىدە بىر بۇت ياساپ، ئۇنىڭغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ، سەجدە قىلدى. ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىغان بۇ بۇتنى خۇشال-خۇراملىق بىلەن تەبرىكلەشتى. بۇنى كۆرگەن خۇدا ئەجدادلىرىمىزدىن نەزىرىنى يۆتكەپ، ئۇلارنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۇپ بەردى. ئۇلار ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا چوقۇنۇشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن، پەيغەمبەرلەر مۇقەددەس يازمىلاردا خاتىرىلىگەندەك، خۇدا ئۇلارنى مۇنداق ئەيىبلىدى: «ئەي ئىسرائىللار! سىلەر قىرىق يىل جەريانىدا چۆلدە قۇربانلىق قىلغىنىڭلاردا، ماڭا ئەمەس، بەلكى ئۆز قوللىرىڭلار بىلەن ياسىغان بۇتلارغا، يەنى ˜مولوخŒ~نىڭ چېدىرى ۋە ˜رىفانŒ~نىڭ يۇلتۇز شەكىللىك سۈرىتىنى كۆتۈرۈپ مېڭىپ، ئۇلارغا سەجدە قىلدىڭلار! شۇڭلاشقا، سىلەرنى بابىل شەھىرىنىڭ چەتلىرىگە قوغلاپ، سۈرگۈن قىلىمەن!» ئەجدادلىرىمىز چۆلدە ياشىغان ۋاقتىدا، ئەھدە چېدىرى دەپمۇ ئاتالغان ئىبادەت چېدىرى تىككەنىدى ۋە قەيەرگە بارسا ئۇنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە يۆتكەپ، ئۇنىڭدا خۇداغا ئىبادەت قىلاتتى. ئىبادەت چېدىرى خۇدا مۇسا پەيغەمبەرگە كۆرسەتكەن نۇسخا بويىچە ياسالغانىدى. ئەجدادلىرىمىز ئىبادەت چېدىرىغا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئىگىدارچىلىق قىلغان ۋە كېيىن يەشۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە، خۇدا قوغلىغان مىللەتلەرنىڭ زېمىنلىرىنى بېسىۋېلىپ، ئىبادەت چېدىرىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەن. ھەتتا پادىشاھ داۋۇتنىڭ زامانىغىچە شۇ چېدىردا خۇداغا ئىبادەت قىلغان. پادىشاھ داۋۇت خۇدانىڭ، يەنى ياقۇپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ شاپائىتىگە ئېرىشىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئىبادەتخانا سېلىشقا ئۇنىڭ ئۆزىدىن ئىجازەت سورىغان. بىراق، خۇدا قوشۇلمىغان. كېيىن، پادىشاھ سۇلايمان خۇدا ئۈچۈن بىر ئىبادەتخانا سالغان. ھالبۇكى، ئۇلۇغ خۇدا ئادەم سالغان ئىبادەتخانىلاردا تۇرمايدۇ! يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق خۇدا مۇنداق دېگەنىدى: ئىستىپان سۆزىنى ئاياغلاشتۇرۇپ: - ئەي، بوينى، يۈرىكى ۋە قۇلىقى قاتتىقلار! سىلەر خەتنە قىلىنمىغان كاپىرلارغا ئوخشاش جاھىل! سىلەر ئەجدادلىرىڭلارغا ئوخشاش، خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا دائىم قارشىلىق قىلىۋاتىسىلەر! سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار زىيانكەشلىك قىلمىغان بىرەر پەيغەمبەر بارمۇ-ھە؟! ئۇلار «خۇدانىڭ ئادالەتچىسى» بولغان ھەزرىتى ئەيسانىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئالدىن جاكارلىغانلارنىمۇ ئۆلتۈرۈشكەن. ئەمدى ئۇ ئۆزى كەلگەندە، سىلەر ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىپ، ئۇنىمۇ ئۆلتۈردۈڭلار. ئەجەب ئىش-ھە! خۇدانىڭ قانۇنىنى پەرىشتىلەر ئۆزى سىلەرگە يەتكۈزگەن بولسىمۇ، سىلەر ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىدىڭلار! - دېدى. ئىستىپاننىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان ئالىي كېڭەشمە ھەيئەتلىرى ئىنتايىن غەزەپلىنىپ، ئۇنىڭغا چىشلىرىنى غۇچۇرلاتتى. مۇقەددەس روھقا چۆمگەن ئىستىپان بولسا كۆزلىرىنى كۆككە تىكىپ، خۇدانىڭ پارلاق نۇرىنى ۋە ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرغان ھەزرىتى ئەيسانى كۆردى. - قاراڭلار! ئاسمان ئېچىلىپ، ئىنسانئوغلى ھەزرىتى ئەيسانىڭ خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم! - دېدى ئۇ. بۇنى ئاڭلىغان ھەيئەتلەر قوللىرى بىلەن قۇلاقلىرىنى ئېتىۋېلىشىپ، چۇقان سېلىشتى ۋە ئېتىلىپ بېرىپ، ئۇنى شەھەرنىڭ سىرتىغا ئىتتىرىپ چىقىرىپ، چالما-كېسەك قىلىشقا باشلىدى. ئىستىپاننى گۇناھكار دەپ گۇۋاھلىق بەرگەنلەر ئۇنى چالما-كېسەك قىلىشتىن بۇرۇن، چاپانلىرىنى سائۇل ئىسىملىك بىر ياشنىڭ يېنىدا قويۇپ قويغانىدى. ئىستىپان يامغۇردەك يېغىۋاتقان تاشنىڭ ئاستىدا تۇرۇپ: - ئى رەببىم ئەيسا، مېنىڭ روھىمنى قوبۇل قىلغايسەن! - دەپ ۋارقىرىدى. كېيىن، ئۇ تىزلىنىپ تۇرۇپ قاتتىق ئاۋاز بىلەن: - ئى رەببىم، بۇ گۇناھنى دەپ ئۇلارنى جازالىمىغايسەن، - دېدى. ئۇ بۇ سۆزنى قىلىپ بولۇپلا جان ئۈزدى. ئىستىپاننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى سائۇلمۇ قوللايتتى. شۇ كۈندىن باشلاپ، يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئىنتايىن دەھشەتلىك زىيانكەشلىككە ئۇچراشقا باشلىدى. ئەلچىلەردىن باشقا پۈتۈن ئېتىقادچىلار يەھۇدىيە ۋە سامارىيە ئۆلكىلىرىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىپ كېتىشتى. بەزى ئىخلاسمەن كىشىلەر ئىستىپاننى دەپنە قىلىپ، ئۇنىڭغا چوڭ ھازا تۇتۇشتى. لېكىن، سائۇل ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە ۋەيرانچىلىق سېلىپ، ئەر-ئايال ئېتىقادچىلارنى ئۆيمۇئۆي ئىزدەپ تۇتۇپ، زىندانغا تاشلاشقا باشلىدى. ئېتىقادچىلار قەيەرگە تارقىلىشتىن قەتئىينەزەر، ئۇلار شۇ يەردە خۇش خەۋەر يەتكۈزدى. مەسىلەن، فىلىپ سامارىيە ئۆلكىسىنىڭ مەلۇم بىر شەھىرىگە بېرىپ، يەرلىك كىشىلەرگە: «ھەزرىتى ئەيسا - قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ» دەپ جاكارلىدى. كۆپچىلىك بۇنى ئاڭلاپ ھەمدە ئۇنىڭ مۆجىزىلىرىنى كۆرۈپ، پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالدى. جىنلار ئۆزلىرى چاپلىشىۋالغان كىشىلەرنىڭ تېنىدىن قاتتىق ۋارقىرىغان پېتى چىقىپ كەتتى. نۇرغۇن پالەچ، توكۇرلارمۇ ساقايتىلدى. شۇنىڭ بىلەن، شۇ شەھەردىكى كىشىلەر چوڭقۇر خۇشاللىققا چۆمدى. ئۇ شەھەردە شىمون ئىسىملىك بىر باخشى بولۇپ، ئۆزىنىڭ سېھىرگەرلىكى بىلەن شۇ جايدىكى خەلقنى بىر مەزگىل ھاڭ-تاڭ قالدۇرغانىدى. ئۇ ئۆزىنى قالتىس ھېسابلاپ، بەك ماختىناتتى. يۇقىرى ۋە تۆۋەن تەبىقە كىشىلىرى ئۇنىڭ سۆزلىرىنى پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئاڭلايتتى. كۆپچىلىك: «خۇدانىڭ ئۇلۇغ كۈچ-قۇدرىتى مانا شۇ» دېيىشەتتى. ئۇ ئۇزۇندىن بېرى سېھىرگەرلىكى بىلەن خالايىقنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۇپ كەلگەنلىكىدىن، كىشىلەر ئۇنىڭغا ئىنتايىن دىققەت قىلىپ كەلگەنىدى. لېكىن، ئۇلار ئەمدى فىلىپ يەتكۈزگەن خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ئەيسا مەسىھكە دائىر خۇش خەۋەرگە ئىشەندى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن نۇرغۇنلىغان ئەر-ئاياللار چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. شىمون ئۆزىمۇ ئىشەندى ۋە چۆمۈلدۈرۈلدى. ئۇ ھەمىشە فىلىپ بىلەن بىللە بولدى ھەمدە فىلىپ كۆرسەتكەن زور مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرۈپ، ئىنتايىن ھەيران بولدى. يېرۇسالېمدىكى ئەلچىلەر سامارىيىلىكلەرنىڭ خۇدانىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، پېترۇس بىلەن يۇھاننانى ئۇلارغا ئەۋەتتى. ئىككىيلەن ئۇ يەرگە بېرىشى بىلەن ئېتىقادچىلارغا مۇقەددەس روھنىڭ ئاتا قىلىنىشى ئۈچۈن دۇئا قىلدى. چۈنكى، ئۇلار رەببىمىز ئەيسانىڭ نامى بىلەن چۆمۈلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا مۇقەددەس روھ تېخى چۈشمىگەنىدى. پېترۇس بىلەن يۇھاننا ئۇلارنىڭ ئۇچىسىغا قولىنى تەگكۈزۈپ تۇرۇپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن، مۇقەددەس روھ ئۇلارغا چۈشتى. ئەلچىلەر قولىنى تەگكۈزۈپ قويغان كىشىلەرگە مۇقەددەس روھنىڭ ئاتا قىلىنغانلىقىنى كۆرگەن شىمون ئەلچىلەرگە پۇل تەڭلەپ: - بۇ كۈچ-قۇدرەتتىن ماڭىمۇ بېرىڭلار. مەنمۇ كىشىلەرنىڭ ئۇچىسىغا قوللىرىمنى تەگكۈزەي، ئۇلار مەن ئارقىلىقمۇ مۇقەددەس روھنى قوبۇل قىلسۇن، - دېدى. لېكىن، پېترۇس ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: - خۇدانىڭ بۇ سوۋغىتىنى پۇلغا سېتىۋالغىلى بولىدۇ، دەپ ئويلىغان بولساڭ، پۇلۇڭ بىلەن بىللە ھالاك بول! بىزنىڭ ئىشىمىزدا سېنىڭ ھەسسەڭ يوق! چۈنكى، خۇدا ئالدىدا نىيىتىڭ خالىس ئەمەس! شۇڭا، يامان نىيىتىڭدىن يېنىپ، خۇدادىن كەچۈرۈم تىلە! شۇنداق قىلساڭ، خۇدا سېنى كەچۈرەر. چۈنكى، سېنىڭ ھەسەتكە تولۇپ، گۇناھنىڭ تورىدا ئىكەنلىكىڭ ماڭا مەلۇم. شىمون ئۇلارغا: - مەن ئۈچۈن خۇدادىن تىلەڭلاركى، ئېيتقانلىرىڭلاردىن بىرىمۇ بېشىمغا كەلمىسۇن! - دېدى. پېترۇس بىلەن يۇھاننا يەنە شۇ شەھەردە ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىپ، خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، سامارىيىنىڭ نۇرغۇن يېزا-كەنتلىرىگە بېرىپ خۇش خەۋەر يەتكۈزگەچ، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى. شۇ ۋاقىتتا، خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى فىلىپقا: - جەنۇبقا قاراپ يېرۇسالېمدىن گازا شەھىرىگە ماڭىدىغان چۆلدىكى يولغا ماڭ! - دېدى. فىلىپ يولغا چىقتى. يولدا ئۇ ئېفىئوپىيىلىك بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنى ئۇچراتتى. بۇ كىشى كانداس ئىسىملىك ئېفىئوپىيە ئايال پادىشاھىنىڭ باش خەزىنىچىسى بولۇپ، يېرۇسالېمغا خۇداغا ئىبادەت قىلغىلى بارغانىدى. قايتىش يولىدا ئۆز ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ، يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىنى ئوقۇپ كېتىپ باراتتى. مۇقەددەس روھ فىلىپقا: - ھارۋىغا يېتىشىپ ماڭ، - دېدى. فىلىپ يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئەمەلدارنىڭ يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىدىن ئوقۇۋاتقانلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن: - ئوقۇغانلىرىڭىزنى چۈشەندىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى. ئەمەلدار ئۇنىڭغا: - بىرى ماڭا چۈشەندۈرۈپ بەرمىسە، مەن قانداقمۇ چۈشىنەلەيمەن؟! - دەپ، فىلىپنى ھارۋىسىغا چىقىپ يېنىدا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. ئەمەلدار يازمىنىڭ مۇنۇ قىسمىنى ئوقۇۋاتاتتى: «ئۇ گويا بوغۇزلاشقا ئېلىپ بېرىلغان قويدەك، قوي قىرقىغۇچى ئالدىدا ياتقان پاقلاندەك ئۈن-تىن چىقارماي جىم تۇرىدۇ. ئۇ خورلىنىدۇ، ئادىللىق بىلەن سوتلانمايدۇ. ئۇ ئەمدى پەرزەنت يۈزى كۆرەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ يەر يۈزىدىكى ھاياتى ئېلىپ كېتىلىدۇ.» ئېفىئوپىيىلىك ئەمەلدار فىلىپتىن: - پەيغەمبەرنىڭ بۇ سۆزى كىمگە قارىتىلغان بولغىيدى؟ ئۆزىگىمۇ ياكى باشقىلارغىمۇ؟ - دەپ سورىدى. فىلىپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى. ئۇ يازمىنىڭ شۇ قىسمىدىن باشلاپ، ئەمەلدارغا ھەزرىتى ئەيساغا دائىر خۇش خەۋەرنى سۆزلەپ بەردى. شۇنداق قىلىپ، ئەمەلدار ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. ئەمەلدار ھارۋىنى توختىتىشنى بۇيرۇدى. فىلىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە سۇغا چۈشۈپ، ئۇنى چۆمۈلدۈردى. ئۇلار سۇدىن چىققاندا، مۇقەددەس روھ فىلىپنى باشقا بىر شەھەرگە ئېلىپ كەتتى. ئەمەلدار ئۇنى قايتا كۆرەلمىگەن بولسىمۇ، خۇشال-خۇراملىق بىلەن يولىنى داۋاملاشتۇردى. فىلىپ بولسا ئۆزىنىڭ ئاشدود شەھىرىدە ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇ يەردىن قەيسەرىيە شەھىرىگىچە بولغان ھەممە شەھەرلەرنى كېزىپ، خۇش خەۋەر يەتكۈزدى. شۇ چاغلاردا، سائۇل رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا داۋاملىق ئۆلۈم تەھدىتى سېلىۋاتاتتى. ئۇ باش روھانىينىڭ ئالدىغا بېرىپ، دەمەشق شەھىرىدىكى يەھۇدىي ئىبادەتخانىلىرىغا تونۇشتۇرۇش خېتى يېزىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنداق قىلىپ، سائۇل دەمەشقتىكى يەھۇدىيلارنىڭ ياردىمىنى ئېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ يولىدا ماڭغان ئەر-ئاياللارنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنى يېرۇسالېمغا سوراق قىلىشقا ئېلىپ كەلمەكچى بولدى. سائۇل خەتلەرنى ئېلىپ يولغا چىقتى. دەمەشق شەھىرىگە يېتىپ كېلىشكە ئاز قالغاندا، توساتتىن ئاسماندىن كۈچلۈك بىر نۇر چۈشۈپ، سائۇلنىڭ ئەتراپىنى يورۇتۇۋەتتى. يەرگە يىقىلغان سائۇلغا: - سائۇل، سائۇل! ماڭا نېمىشقا زىيانكەشلىك قىلىسەن؟ - دېگەن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. - ئى رەببىم، سەن كىمسەن؟ - دەپ سورىدى ئۇ. - مەن، سەن زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان ئەيسا. ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، شەھەرگە كىر، نېمە قىلىشىڭ كېرەكلىكىنى بىرى ساڭا ئېيتىپ بېرىدۇ، - دېگەن جاۋاب كەلدى ھېلىقى ئاۋازدىن. سائۇل بىلەن بىللە ماڭغان كىشىلەرنىڭ قورققىنىدىن زۇۋانلىرى تۇتۇلۇپ، تۇرغان يېرىدە قېتىپلا قالدى. چۈنكى، ئۇلار ئاۋازنى ئاڭلىسىمۇ، گەپ قىلغان بىرەرسىنى كۆرەلمىگەنىدى. سائۇل ئورنىدىن تۇرۇپ، كۆزلىرىنى ئېچىپ قارىدى، لېكىن ھېچ نەرسىنى كۆرەلمىدى. ھەمراھلىرى ئۇنىڭ قولىدىن يېتىلەپ دەمەشققە ئېلىپ كىردى. ئۈچ كۈنگىچە ھېچنېمىنى كۆرەلمىگەن سائۇلنىڭ گېلىدىن ھېچ نەرسە ئۆتمىدى. دەمەشقتە ھەزرىتى ئەيسانىڭ ھانانىيا ئىسىملىك بىر ئېتىقادچىسى بار ئىدى. ئۇنىڭغا بىر ۋەھىي كەلدى. رەببىمىز ئەيسا ئۇنى: - ھانانىيا! - دەپ چاقىردى. - ئى رەببىم، مانا مەن، - دەپ جاۋاب بەردى ئۇ. رەببىمىز ئەيسا ئۇنىڭغا: - سەن دەرھال «تۈز» كوچىسىغا بېرىپ، يەھۇدانىڭ ئۆيىدىن تارسۇسلۇق سائۇل ئىسىملىك بىرىنى تاپ، چۈنكى شۇ تاپتا ئۇ دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتىدۇ. دۇئا قىلىۋاتقىنىدا، مەن ئۇنىڭغا ھانانىيا ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ كېلىپ ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزۈشى بىلەنلا كۆزىنىڭ ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىنى ئايان قىلدىم، - دېدى. ھانانىيا ئۇنىماي، مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئى رەببىم، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇ ئادەم ھەققىدە ئېيتقانلىرىنى ئاڭلىدىم. ئۇ يېرۇسالېمدا ساڭا ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا ئىنتايىن رەھىمسىزلەرچە زىيانكەشلىك قىلغان! ھازىر ئۇ دەمەشققە كېلىپ، ساڭا ئىبادەت قىلغان كىشىلەرنى تۇتۇش ئۈچۈن ئالىي روھانىيلاردىن ھوقۇق ئاپتۇ. رەببىمىز ئەيسا ئۇنىڭغا: - بارىۋەر! مەن بۇ ئادەمنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىغا ھەم ئىسرائىللارغا مېنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆزۈم تاللىدىم. مەن ئۇنىڭغا مېنىڭ ئۈچۈن جەزمەن خىلمۇخىل ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنىمۇ كۆرسىتىمەن، - دېدى. بۇنىڭ بىلەن، ھانانىيا ھېلىقى ئۆيگە بېرىپ، قوللىرىنى سائۇلنىڭ ئۇچىسىغا تەگكۈزۈپ: - قېرىندىشىم سائۇل، بۇ يەرگە كېلىۋاتقىنىڭدا يولدا ساڭا كۆرۈنگەن رەببىمىز ئەيسا كۆزلىرىڭ ئەسلىگە كەلسۇن ۋە سېنى مۇقەددەس روھقا چۆمسۇن دەپ، مېنى شەخسەن ئۆزى ئەۋەتتى، - دېدى. شۇ ھامان، سائۇلنىڭ كۆزلىرىدىن بېلىق قاسىرىقىدەك نەرسىلەر چۈشۈپ، كۆزلىرى ئېچىلىپ كۆرەلەيدىغان بولدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. تاماق يېگەندىن كېيىن، جىسمانىي قۇۋۋىتىمۇ ئەسلىگە كەلدى. سائۇل دەمەشقتىكى ئېتىقادچىلارنىڭ يېنىدا بىرنەچچە كۈن تۇردى ۋە دەرھال يەھۇدىي ئىبادەتخانىلىرىغا بېرىپ، «ھەزرىتى ئەيسا خۇدانىڭ ئوغلى» دەپ تەلىم بېرىشكە باشلىدى. ئاڭلىغۇچىلار ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ھەيران بولۇشۇپ: - بۇ ئادەم يېرۇسالېمدا ئەيساغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا ۋەھشىيلەرچە زىيانكەشلىك قىلغان ھېلىقى ئادەم ئەمەسمۇ؟ بۇ يەرگىمۇ ئېتىقادچىلارنى ئالىي روھانىيلارغا تۇتۇپ بېرىش مەقسىتىدە كەلگەنمىدۇ؟ - دېيىشتى. لېكىن، سائۇل تېخىمۇ قايىل قىلارلىق تەلىم بېرىپ، دەمەشقتىكى يەھۇدىيلارنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئىكەنلىكىنى رەت قىلىشقا ئامالسىز قالدۇردى. بىر مەزگىلدىن كېيىن، يەھۇدىيلار سائۇلغا سۇيىقەست قىلماقچى بولدى. سائۇلنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلار كېچە-كۈندۈز شەھەرنىڭ دەرۋازىسىدا ئۇنى كۈتتى. بىراق، بىرى ئۇلارنىڭ ئۇنى قەستلىمەكچى بولغىنىنى سائۇلغا يەتكۈزۈپ قويدى. شۇڭا، ئۇنىڭ شاگىرتلىرى بىر كۈنى كېچىدە ئۇنى چوڭ سېۋەتكە ئولتۇرغۇزۇپ، سېپىل كۈنگۈرىدىن ئارتىلدۇرۇپ چۈشۈردى. سائۇل يېرۇسالېمغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى ئېتىقادچىلارغا قوشۇلماقچى بولدى. لېكىن، ئېتىقادچىلار ئۇنىڭ ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغانلىقىغا ئىشەنمەي، ئۇنىڭدىن قورقتى. بىراق، بارنابا ئۇنىڭغا ياردەمدە بولۇپ، ئۇنى ئەلچىلەر بىلەن كۆرۈشتۈردى. ئۇلارغا سائۇلنىڭ دەمەشق يولىدا رەببىمىز ئەيسانى قانداق كۆرگەنلىكىنى، رەببىمىز ئەيسانىڭمۇ ئۇنىڭغا گەپ قىلغانلىقىنى چۈشەندۈردى ۋە دەمەشقتە ئۇنىڭ ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدە قانداق جۈرئەت بىلەن تەلىم بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ، ئۇلارنى قايىل قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، سائۇل يېرۇسالېمدا ئەلچىلەر بىلەن بىللە بولۇپ، يۈرەكلىك ھالدا رەببىمىز ئەيسا ھەققىدە تەلىم بەردى. ئۇ يەنە گرېكچە سۆزلىشىدىغان يەھۇدىيلار بىلەنمۇ سۆزلىشىپ، تالىشىپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولدى. ئېتىقادچىلار بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى قەيسەرىيە شەھىرىگە ئېلىپ بېرىپ، ئۇ يەردىن تارسۇس دېگەن شەھەرگە يولغا سالدى. ئۇ چاغدا، يەھۇدىيە، جەلىلىيە ۋە سامارىيىلەردىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى بىر مەزگىل تىنچلىققا ئېرىشتى. مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇلارنىڭ ئېتىقادى كۈچىيىپ، ھەمىشە ئىخلاسمەنلىك بىلەن خۇدا يولىدا ماڭدى. ئۇلارنىڭ سانىمۇ كۈندىن-كۈنگە كۆپەيدى. شۇ ۋاقىتتا، ئېتىقادچىلارنى يوقلاش ئۈچۈن ھەرقايسى جايلارنى ئارىلاپ يۈرگەن پېترۇس بىر قېتىم لىددا شەھىرىدە تۇرىدىغان ئېتىقادچىلار بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ يەردە ئۇ ئەنېياس ئىسىملىك بىر ئادەمنى ئۇچراتتى. بۇ ئادەم پالەچ بولۇپ، ئورۇن تۇتۇپ ياتقىلى سەككىز يىل بولغانىكەن. پېترۇس ئۇنىڭغا: - ئەنېياس، ئەيسا مەسىھ سېنى ساقايتتى. ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، كۆرپەڭنى يىغىشتۇر! - دېدى. ئەنېياس دەرھال ئورنىدىن تۇردى. بۇنى كۆرگەن لىددا شەھىرىدىكى ۋە شارون رايونىدىكى نۇرغۇن ئادەملەر رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. جاففا شەھىرىدە تابىتا ئىسىملىك بىر ئايال ئېتىقادچى بار ئىدى. (گرېكچە ئىسمى «دوركاس» بولۇپ، «كېيىك» دېگەن مەنىدە.) ئۇ ھەر ۋاقىت ياخشى ئىش قىلىدىغان بولۇپ، نامراتلارغا ياردەم قىلاتتى. بىر كۈنى، ئۇ كېسەل بولۇپ، ئۆلۈپ كەتتى. كىشىلەر جەسەتنى يۇيۇپ كېپەنلەپ، ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئۆيگە ياتقۇزۇپ قويدى. جاففا شەھىرى لىددا شەھىرىگە يېقىن ئىدى. شۇڭا، جاففادىكى ئېتىقادچىلار پېترۇسنىڭ لىددادا ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا ئىككى ئادەم ئەۋەتىپ: - چاپسان يېتىپ كېلىڭ! - دەپ تەكلىپ قىلدى. پېترۇس دەرھال يولغا چىقىپ، ئۇلار بىلەن بىللە جاففاغا كەلدى. پېترۇس جاففاغا يېتىپ كېلىشى بىلەن ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئۆيگە باشلاپ چىقىلدى. بارلىق تۇل ئاياللار پېترۇسنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، يىغا-زار قىلىشتى ۋە دوركاسنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئۆزلىرىگە تىكىپ بەرگەن كىيىملىرىنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىشتى. پېترۇس ھەممەيلەننى چىقىرىۋېتىپ، تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن، جەسەتكە قاراپ: - تابىتا، ئورنۇڭدىن تۇر! - دېدى. تابىتا كۆزىنى ئېچىپ، پېترۇسنى كۆرۈپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ئولتۇردى. پېترۇس ئالدىغا بېرىپ، ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزدى ۋە تۇل ئاياللار بىلەن باشقا ئېتىقادچىلارنى چاقىرىپ، دوركاسنى ئۇلارغا تىرىك تاپشۇرۇپ بەردى. بۇ خەۋەر پۈتۈن جاففاغا تارقىلىپ، نۇرغۇن كىشىلەر رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. پېترۇس جاففادا شىمون ئىسىملىك بىر تېرە ئەيلىگۈچىنىڭ ئۆيىدە بىر مەزگىل تۇردى. قەيسەرىيە شەھىرىدە كورنىلىي ئىسىملىك بىر ئادەم بولۇپ، ئۇ رىم قوشۇنىدىكى «ئىتالىيە» دەپ ئاتالغان قىسىمنىڭ يۈزبېشى ئىدى. ئۇ تەقۋادار ئادەم بولۇپ، ئۆزى ۋە ئۆيىدىكىلىرىنىڭ ھەممىسى خۇداغا ئىبادەت قىلاتتى. ئۇ گەرچە يەھۇدىيلارنىڭ خۇشى يوق رىملىقلاردىن بولسىمۇ، مەردلىك بىلەن نامرات يەھۇدىيلارغا پۇل بېرەتتى ۋە دائىم خۇداغا دۇئا قىلاتتى. بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە، ئۇنىڭغا بىر غايىبانە ئالامەت كۆرۈندى. ئۇ خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسىنىڭ ئۆزىنىڭ يېنىغا كەلگەنلىكىنى ئوچۇق كۆردى. پەرىشتە ئۇنى: - كورنىلىي! - دەپ چاقىردى. كورنىلىي ئىنتايىن چۆچۈگەن ھالدا ئۇنىڭغا كۆزلىرىنى تىكىپ: - تەقسىر، نېمە ئىش؟ - دەپ سورىدى. پەرىشتە ئۇنىڭغا: - سېنىڭ دۇئالىرىڭ ۋە نامراتلارغا قىلغان خەير-ساخاۋىتىڭ ھەققىدىكى خەۋەرلەر خۇداغا يەتتى. ئەمدى سەن جاففاغا ئادەم ئەۋەتىپ، سىمۇن پېترۇس ئىسىملىك كىشىنى چاقىرتىپ كەل. ئۇ شىمون ئىسىملىك بىر تېرە ئەيلىگۈچىنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. شىموننىڭ ئۆيى بولسا دېڭىز بويىدا، - دېدى. ئۇنىڭغا گەپ قىلغان پەرىشتە غايىب بولغاندىن كېيىن، كورنىلىي ئۆي خىزمەتچىلىرىدىن ئىككىنى ۋە شەخسىي ياردەمچىلىرى ئىچىدىكى ئىخلاسمەن بىر لەشكەرنى چاقىردى. بولغان ئىشلارنى ئۇقتۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارنى جاففاغا ئەۋەتتى. ئەتىسى ئۇلار جاففاغا يېقىن بارغاندا، چۈش ۋاقتى بولۇپ، پېترۇس دۇئا قىلىش ئۈچۈن ئۆگزىگە چىقتى. ئۇنىڭ قورسىقى ئېچىپ، بىر نەرسە يېگۈسى كەلگەنىدى. تاماق تەييارلىنىۋاتقاندا، پېترۇسنىڭ كۆزىگە بىر غايىبانە ئالامەت كۆرۈندى. ئاسمان يېرىلىپ، كەڭ داستىخاندەك بىر نەرسىنىڭ تۆت بۇرجىكىدىن باغلانغان ھالدا يەر يۈزىگە چۈشۈرۈلۈۋاتقانلىقىدەك بىر ھالەتنى كۆردى. داستىخاندا ھەر خىل تۆت پۇتلۇق ھايۋانلار، يەر بېغىرلىغۇچىلار، ئۇچارقاناتلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھارام ھايۋانلارمۇ بار ئىدى. ئۇنىڭغا: - ئورنۇڭدىن تۇر پېترۇس، ئۇلارنى سويۇپ يە! - دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. - ئى رەببىم، ھەرگىز بولمايدۇ! مەن ھېچقاچان ھېچقانداق ناپاك، ھارام نەرسىنى ئاغزىمغا ئالغان ئەمەسمەن! - دېدى پېترۇس. بىراق، پېترۇسقا يەنە: - خۇدا ھالال دېگەننى سەن ھارام دېسەڭ بولمايدۇ! - دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. بۇ ئىش ئۈچ قېتىم تەكرارلىنىپ، داستىخانغا ئوخشايدىغان ھېلىقى نەرسە ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىلدى. پېترۇس كۆزىگە كۆرۈنگەن ئالامەتنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلمەي ئويلاپ تۇرغاندا، كورنىلىي ئەۋەتكەن كىشىلەر شىموننىڭ ئۆيىنى تېپىپ، دەرۋازا ئالدىدا تۇرۇپ: - سىمۇن پېترۇس ئىسىملىك بىر مېھمان بۇ يەردە تۇرامدۇ، قانداق؟ - دەپ توۋلىدى. پېترۇس تېخىچە ھېلىقى غايىبانە ئالامەتنىڭ مەنىسى زادى نېمىدۇ، دەپ ئويلاۋاتاتتى. مۇقەددەس روھ ئۇنىڭغا: - سېنى ئۈچ ئادەم ئىزدەپ كەلدى. پەسكە چۈش! ئۇلار يەھۇدىي بولمىسىمۇ، ئۇلارنى كاپىر دېمەي، ئىككىلەنمەي ئۇلار بىلەن بىللە بار. چۈنكى، ئۇلارنى مەن ئەۋەتتىم! - دېدى. پېترۇس پەسكە چۈشۈپ، ھېلىقى ئادەملەرگە: - سىلەر ئىزدىگەن كىشى مەن بولىمەن. بۇ ياققا كېلىشىڭلارنىڭ سەۋەبى نېمىكىن؟ - دېدى. - بىزنى رىملىق يۈزبېشى كورنىلىي ئەۋەتتى. ئۇ خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغان دۇرۇس ئادەم بولۇپ، پۈتۈن يەھۇدىي خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەردۇر. خۇدانىڭ بىر مۇقەددەس پەرىشتىسى ئۇنىڭغا، سىزنى ئۆيىگە چاقىرتىپ، تەلىمىڭىزنى ئاڭلاشنى بۇيرۇغان! - دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان پېترۇس ئۇلارنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ، قوندۇرۇپ مېھمان قىلدى. ئەتىسى پېترۇس ئۇلار بىلەن بىللە يولغا چىقتى. جاففادىكى ئېتىقادچىلارنىڭ بەزىلىرىمۇ ئۇلار بىلەن بىللە باردى. ئىككىنچى كۈنى، ئۇلار قەيسەرىيىگە يېتىپ باردى. كورنىلىي تۇغقانلىرى ۋە يېقىن يار-بۇرادەرلىرىنى ئۆيىگە يىغىپ، پېترۇسلارنى كۈتۈپ تۇراتتى. پېترۇس ئۆيگە كىرگەندە، كورنىلىي ئالدىغا چىقىپ، ئايىغىغا باش قويۇپ سەجدە قىلدى. پېترۇس دەرھال ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ: - ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ! مەنمۇ سىزگە ئوخشاشلا بىر ئادەم! - دېدى. پېترۇس كورنىلىيگە گەپ قىلغاچ ئۆيگە كىردى. ئۇ ئۆينىڭ ئىچىگە يىغىلغان جامائەتنى كۆرۈپ، ئۇلارغا: - سىلەرگە مەلۇمكى، بىز يەھۇدىيلارنىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەر بىلەن ئالاقە قىلىشىمىز ئەنئەنىۋى قائىدىمىزگە خىلاپ، ھەتتا ئۆيلىرىڭلارغا كىرسەكمۇ بولمايدۇ. لېكىن، خۇدا ماڭا بىر ۋەھىي ئارقىلىق ھەرقانداق كىشىنى ناپاك دېمەسلىكىم كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر ئادەم ئەۋەتىپ مېنى چاقىرغاندا، ئىككىلەنمەي ئالدىڭلارغا كەلدىم. ئەمدى مېنىڭ سورىماقچى بولغىنىم، مېنى نېمىشقا چاقىردىڭلار؟ - دېدى. كورنىلىي مۇنداق دېدى: - تۆت كۈننىڭ ئالدىدا دەل مۇشۇ ۋاقىتتا، يەنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە، مەن ئۆيدە دۇئا قىلىۋاتاتتىم. تۇيۇقسىز كىيىملىرىدىن نۇر چاقناپ تۇرىدىغان بىر پەرىشتە ئادەم شەكلىدە ئالدىمدا پەيدا بولۇپ: «كورنىلىي! دۇئايىڭ خۇداغا يەتتى. خۇدا نامراتلارغا قىلغان خەير-ساخاۋىتىڭدىنمۇ خەۋەردار. شۇڭا، جاففاغا ئادەم ئەۋەتىپ، سىمۇن پېترۇس ئىسىملىك ئادەمنى چاقىرتىپ كەل. ئۇ تېرە ئەيلىگۈچى شىموننىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ تۇرىدۇ. شىموننىڭ ئۆيى دېڭىز بويىدا» دېدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، دەرھال ئۆزلىرىنى چاقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتكەنىدىم. ئۆزلىرىنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلغانلىرى تولىمۇ ئوبدان بولدى. ئەمدى بىز ھەممەيلەن خۇدا ئۆزلىرىگە دېگەن بارلىق سۆزلەرنى ئاڭلاش ئۈچۈن خۇدانىڭ ئالدىدا تەييار تۇرۇپتىمىز. سىلەر خۇدا ئىسرائىل خەلقىگە يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرنى ئاڭلىغانغۇ. خۇدا پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىزنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى. سىلەرنىڭ يەھيا پەيغەمبەر چۆمۈلدۈرۈش چاقىرىقىنى يەتكۈزگەندىن تارتىپ، جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن باشلاپ پۈتۈن يەھۇدىيە زېمىنلىرىدا يۈز بەرگەن ناسىرەلىك ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك زور ۋەقەلەردىن خەۋىرىڭلار بار. خۇدا ئۇنى تەيىنلەپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس روھى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنى ئاتا قىلدى. ئۇ ھەممە يەرنى كېزىپ، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ، شەيتاننىڭ ئىلكىدە بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى ساقايتتى، چۈنكى خۇدا ئۇنىڭغا يار ئىدى. بىز ئەلچىلەر ئۇنىڭ يېرۇسالېم ۋە ئىسرائىلىيىنىڭ باشقا يەرلىرىدە قىلغان پۈتۈن ئىشلىرىنىڭ گۇۋاھچىلىرى. گەرچە ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمدا كرېستكە مىخلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئۇ بىزنىڭ خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشىمىزنى، تىرىكلەر ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ سوراقچىسى قىلىنىپ تەيىنلەنگەن كىشىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى خەلققە جاكارلىشىمىزنى بۇيرۇدى. پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۇ ھەقتە: «ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرى ئۇنىڭ نامى بىلەن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ» دېگەن. پېترۇس خۇدانىڭ بۇ سۆزلىرىنى قىلىۋاتقاندا، ئاڭلاۋاتقان ھەممە كىشىنىڭ ۋۇجۇدىغا مۇقەددەس روھ چۈشتى. پېترۇس بىلەن بىللە جاففادىن كەلگەن، ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىيلار خۇدانىڭ مۇقەددەس روھنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ ئاتا قىلغىنىنى كۆرۈپ بەك ھەيران بولۇشتى. ئۇلارنىڭ باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىگىمۇ نامەلۇم بولغان تىللاردا سۆزلىشىپ، خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى مەدھىيىلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغانلىقى شۈبھىسىز ئىدى. شۇڭا، پېترۇس: - خۇدا خۇددى بىزگە ئاتا قىلغاندەك، ئۇلارغىمۇ مۇقەددەس روھنى ئاتا قىلغان تۇرسا، ئۇلارنى سۇغا چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىشقا كىم قوشۇلمايتتى؟! - دېدى. شۇنىڭ بىلەن، پېترۇس ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا چۆمۈلدۈرۈلۈشىنى بۇيرۇدى. كېيىن ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە، پېترۇس ئۇلار بىلەن بىللە بىرنەچچە كۈن تۇردى. ئەلچىلەر ۋە پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى باشقا ئېتىقادچىلار بەزى يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭمۇ خۇدانىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئاڭلىدى. شۇڭا، پېترۇس يېرۇسالېمغا قايتقاندا، ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىيلارنىڭ بەزىلىرى ئۇنى ئەيىبلەپ: - سېنىڭ خەتنە قىلىنمىغان يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ، ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان بولغىنىڭ زادى قانداق ئىش؟! - دېدى. پېترۇس پۈتۈن ئىشنىڭ جەريانىنى ئۇلارغا بىر-بىرلەپ چۈشەندۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: - جاففا شەھىرىدە دۇئا قىلىۋاتقىنىمدا، بىر غايىبانە ئالامەتنى كۆردۈم. كەڭ داستىخاندەك بىر نەرسە تۆت بۇرجىكىدىن باغلانغان ھالدا ئاسماندىن چۈشۈپ، مېنىڭ يېنىمدا توختاپ قالدى. سەپ سېلىپ قارىسام، ئۇنىڭ ئىچىدە ھەر خىل تۆت پۇتلۇق ھايۋانلار، ياۋايى ھايۋاناتلار، يەر بېغىرلىغۇچىلار، ئۇچارقاناتلارمۇ بار ئىكەن. كېيىن، ماڭا: «ئورنۇڭدىن تۇر پېترۇس، ئۇلارنى سويۇپ يە!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. مەن: «ئى رەببىم، ھەرگىز بولمايدۇ! مەن ھېچقاچان ھەرقانداق ناپاك، ھارام نەرسىنى ئاغزىمغا ئالغان ئەمەسمەن!» دېدىم. بىراق، ماڭا يەنە: «خۇدا ھالال دېگەننى سەن ھارام دېمە!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. بۇ ئىش ئۈچ قېتىم شۇنداق تەكرارلىنىپ، ئاخىر ھېلىقى نەرسە ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىلدى. دەل شۇ چاغدا، قەيسەرىيىدىن مېنى چاقىرىشقا ئەۋەتىلگەن ئۈچ كىشى مەن تۇرغان ئۆينىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا كەلدى. مۇقەددەس روھ مېنى، گەرچە ئۇلار يەھۇدىي بولمىسىمۇ، ئىككىلەنمەي ئۇلار بىلەن بىللە بېرىشقا بۇيرۇدى. جاففادىن كەلگەن بۇ ئالتە قېرىنداشمۇ مەن بىلەن بىللە باردى. قەيسەرىيىگە يېتىپ كېلىپ، كورنىلىي ئىسىملىك ئادەمنىڭ ئۆيىگە كىردۇق. كورنىلىي بىزگە ئۆزىنىڭ ئۆيىدە بىر پەرىشتىنى قانداق كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى. پەرىشتە ئۇنىڭغا: «سەن جاففاغا ئادەم ئەۋەتىپ، سىمۇن پېترۇس ئىسىملىك بىر ئادەمنى چاقىرتىپ كەل، ئۇ ساڭا سېنىڭ ۋە ئائىلەڭنىڭ قۇتقۇزۇلۇش يولىنى سۆزلەپ بېرىدۇ» دېگەنىكەن. مەن گەپ قىلىشقا باشلىغاندا، مۇقەددەس روھ خۇددى بۇرۇن بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزغا چۈشكىنىدەك، ئۇلارغىمۇ چۈشتى. شۇ چاغدا، رەببىمىز ئەيسانىڭ: «يەھيا پەيغەمبەر كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرگەن، لېكىن سىلەر مۇقەددەس روھقا چۆمۈلدۈرۈلىسىلەر» دېگىنىنى ئېسىمگە ئالدىم. ناھايىتى روشەنكى، بىز ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلىقتىن، خۇدا بىزگە ئۆزىنىڭ روھىنى ئاتا قىلغىنىغا ئوخشاش، ئۇنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ ئاتا قىلدى! شۇنداق تۇرسا، مەن خۇداغا قانداقمۇ توسقۇنلۇق قىلالايتتىم؟! ئۇلار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، پېترۇسنى ئەيىبلەشنى توختىتىپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇپ: - يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ يامان يوللىرىدىن يېنىپ توۋا قىلسا، خۇدا ئۇلارغىمۇ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدىكەن! - دېيىشتى. ئۇ چاغدا، ئىستىپاننىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىدىن كېلىپ چىققان زىيانكەشلىك تۈپەيلىدىن ھەرقايسى جايلارغا تارقىلىپ كەتكەن ئېتىقادچىلارنىڭ بەزىلىرى ھەتتا فەنىكىيە رايونى، سىپرۇس ئارىلى ۋە سۇرىيىدىكى ئانتاكيا شەھىرى دېگەن جايلارغا كېتىشتى. ئۇلار خۇدانىڭ سۆزىنى پەقەت يەھۇدىيلارغىلا يەتكۈزەتتى. لېكىن، سىپرۇس ئارىلى ۋە كىرىنى شەھىرىدىن كەلگەن بەزى ئېتىقادچىلار ئانتاكيا شەھىرىگە بېرىپ، رەببىمىز ئەيسا ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ يەتكۈزدى. رەببىمىزنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئۇلار بىلەن بىللە بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپ، رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. بۇ خەۋەر يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە يېتىپ كەلدى. ئۇلار بىلىپ بېقىش ئۈچۈن بارنابانى ئانتاكياغا ئەۋەتتى. بارنابا يېتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ ئۇ يەردىكى خەلققە بەخت ئاتا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، خۇشال بولدى. ئۇ كۆپچىلىكنى جان-دىلى بىلەن رەببىمىز ئەيساغا سادىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى. ئۇ مۇقەددەس روھقا چۆمگەن، ئىمانى كامىل، ياخشى بىر ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە نۇرغۇن ئادەم رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. كېيىن، بارنابا تارسۇس شەھىرىگە سائۇلنى ئىزدەپ بېرىپ، ئۇنى تېپىپ ئانتاكياغا ئېلىپ كەلدى. ئىككىيلەن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى بىلەن بىللە ساق بىر يىل تۇرۇپ، نۇرغۇن ئادەمگە ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدە تەلىم بەردى. ئېتىقادچىلارنى «خرىستىئانلار» دەپ ئاتاش ئانتاكيادىن باشلاندى. ئۇ كۈنلەردە، يېرۇسالېمدىن ئانتاكياغا بەزى پەيغەمبەرلەر كەلدى. بۇلاردىن ئاگابۇس ئىسىملىك بىرەيلەن مۇقەددەس روھنىڭ تەسىرى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، پۈتۈن رىم دۇنياسىدا قاتتىق ئاچارچىلىق بولىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتتى. (بۇ ئاچارچىلىق دەرۋەقە كلاۋدىيۇس پادىشاھ ھۆكۈم سۈرگەن يىللاردا يۈز بەردى.) بۇنىڭ بىلەن، ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلار ھەربىرى ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ، پۇل ئىئانە قىلىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىدە ياشايدىغان ئېتىقادچىلارغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى. ئۇلار بۇ قارارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، توپلىغان ئىئانىلىرىنى بارنابا ۋە سائۇل ئارقىلىق يەھۇدىيىدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىلىرىگە يەتكۈزۈپ بەردى. شۇ چاغ لاردا، ھىرود خان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدىكى بەزى كىشىلەرنى تۇتۇپ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىشقا باشلىدى. ئۇ يۇھاننانىڭ ئاكىسى ياقۇپنىڭ كاللىسىنى ئالدۇردى. ئۆزىنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن يەھۇدىيلارنىڭ رازى بولغانلىقىنى كۆرۈپ، پېترۇسنى تۇتقۇن قىلىشنى بۇيرۇدى. بۇ ۋەقە پېتىر نان ھېيتى مەزگىلىدە يۈز بەردى. پېترۇسنى تۇتقاندىن كېيىن، ئۇنى زىندانغا تاشلاپ، ھەربىرى تۆت لەشكەردىن تەشكىل تاپقان تۆت نۆۋەتچى قاراۋۇللار توپىغا تاپشۇردى. ھېيتتىن كېيىن، ھىرود خان ئۇنى ئوچۇق سوت قىلىپ ئۆلتۈرمەكچى بولدى. پېترۇس زىنداندا تۇتۇپ تۇرۇلدى. لېكىن، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدىكى قېرىنداشلار ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇداغا سەمىمىي دۇئا قىلىشتى. ھىرود خان پېترۇسنى ئېلىپ چىقىپ سوت قىلىشنىڭ ئالدىنقى كېچىسى، پېترۇس ئىككى زەنجىر بىلەن باغلانغان بولۇپ، ئىككى قاراۋۇلنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇخلاۋاتاتتى. ئىشىكنىڭ سىرتىغىمۇ قاراۋۇل قويۇلغانىدى. تۇيۇقسىز كامېرغا كۈچلۈك بىر يورۇق نۇر چۈشۈپ، خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى كۆرۈندى. پەرىشتە پېترۇسنىڭ مۈرىسىگە قېقىپ: - تېز تۇر! - دەپ ئويغاتتى. پېترۇسنىڭ قوللىرىدىكى زەنجىر شۇئان بوشاپ چۈشۈپ كەتتى. پەرىشتە ئۇنىڭغا: - كىيىمىڭنى كىيىۋال! ئايىغىڭنىمۇ كىي! - دېدى. پېترۇس ئۇنىڭ دېگىنىنى قىلدى. پەرىشتە يەنە: - چاپىنىڭنى يېپىنچاقلاپ كەينىمدىن ماڭ! - دېدى. پېترۇس ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كامېردىن چىقتى. بىراق، ئۇ پەرىشتىنىڭ قىلىۋاتقىنىنىڭ راستلىقىنى بىلمەي، بىر غايىبانە ئالامەت كۆرۈپتىمەن، دەپ ئويلىغانىدى. ئۇلار بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قاراۋۇل پوستىدىن ئۆتۈپ، زىنداننىڭ شەھەرگە چىقىدىغان تۆمۈر دەرۋازىسىغا بارغاندا، دەرۋازا ئۆزلۈكىدىن ئېچىلىپ كەتتى. ئۇلار دەرۋازىدىن چىقىپ، بىر كوچىدىن ئۆتكەندە، پەرىشتە تۇيۇقسىز پېترۇسنىڭ يېنىدىن غايىب بولدى. شۇ چاغدا، پېترۇس ئېسىگە كېلىپ، ئۆزىگە: «ئەمدى مەن بۇ ئىشنىڭ راستلىقىنى بىلدىم. رەببىم بىر پەرىشتە ئەۋەتىپ، مېنى ھىرود خاننىڭ قولىدىن ۋە يەھۇدىيلارنىڭ ماڭا قىلماقچى بولغان بارلىق زىيانكەشلىكىدىن قۇتقۇزۇپتۇ» دېدى. پېترۇس بۇ ئەھۋالنى چۈشىنىپ، ماركۇس دەپمۇ ئاتالغان يۇھاننانىڭ ئانىسى مەريەمنىڭ ئۆيىگە باردى. ئۇ يەردە نۇرغۇن كىشىلەر يىغىلىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتاتتى. پېترۇس دەرۋازىنى قاققاندا، رودا ئىسىملىك بىر دېدەك ئاۋازنى ئاڭلاپ چىقتى. ئۇ پېترۇسنىڭ ئاۋازىنى تونۇپ، خۇشاللىقىدىن ئىشىكنىمۇ ئاچماي يۈگۈرۈپ بېرىپ، كۆپچىلىككە: - پېترۇس دەرۋازا ئالدىدا ئىكەن! - دەپ خەۋەر قىلدى. - ساراڭ بولۇپ قالدىڭمۇ؟! - دېيىشتى ئۇلار. لېكىن، دېدەك راست، دەپ تۇرۇۋالدى. ئۇلار: - ئۇ ئۇنىڭ روھى بولسا كېرەك! - دېيىشتى. پېترۇس دەرۋازىنى قېقىۋەرگەندىن كېيىن، ئۇلار چىقىپ دەرۋازىنى ئېچىپ قارىسا، دەرۋەقە ئۇ ئىكەن! ھەممەيلەن ھاڭ-تاڭ بولۇشتى. پېترۇس كۆپچىلىككە ئاۋاز چىقارماسلىققا قول ئىشارىتى قىلىپ، ئۇلارغا خۇدانىڭ ئۆزىنى زىنداندىن قانداق ئېلىپ چىققانلىقىنى چۈشەندۈردى. ئاندىن كېيىن، ئۇ: - بۇ خەۋەرنى ياقۇپقا ۋە باشقىلارغا ئۇقتۇرۇپ قويۇڭلار، - دەپ، ئۆزى ئۇ يەردىن باشقا يەرگە كەتتى. تاڭ ئاتقاندا، قاراۋۇللار پاتىپاراق بولۇشۇپ كەتتى. ئۇلار پېترۇسنىڭ قانداق چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمىدى. ھىرود خان ئۇنى ئىزدەشكە ئەمر قىلدى، لېكىن ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى تاپالمىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ قاراۋۇللارنى سوراق قىلىپ، ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى بۇيرۇدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ھىرود خان يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن قەيسەرىيە شەھىرىگە قايتىپ كەتتى. كېيىن، ھىرود خان تىر ۋە سىدون خەلقىگە قاتتىق ئاچچىقلاندى. بۇ خەلقلەر ئاشلىقنى خاننىڭ ئىلكىدىكى جايلاردىن ئالىدىغان بولغاچقا، ئۇلار بىرلىشىپ، ھىرود بىلەن يارىشىۋېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا ۋەكىل ئەۋەتتى. ئۇلار ئالدى بىلەن ۋىلاستۇس ئىسىملىك مۇھىم ئەمەلدارنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈردى. بەلگىلەنگەن كۆرۈشۈش كۈنىدە ھىرود خانلىق تونىنى كىيىپ، تەختىدە ئولتۇرۇپ، ئۇلارغا نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇلار: - بۇ، ئادەمنىڭ سۆزلىرى ئەمەس، بەلكى خۇدالارنىڭ بىرىنىڭ سۆزىدۇر! - دەپ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئۇنى ماختاشتى. ھىرود خۇداغا تەئەللۇق شان-شەرەپنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلىقى ئۈچۈن، خۇدانىڭ پەرىشتىسى شۇئان ئۇنى ئۇردى. نەتىجىدە، ئۇ قۇرتلاپ ئۆلدى. لېكىن، خۇدانىڭ سۆزى داۋاملىق تارقىلىپ، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە ئىدى. بارنابا بىلەن سائۇل يېرۇسالېمدا ئىئانىلىرىنى تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئانتاكياغا قايتىپ كەتتى. ئۇلار يۇھاننا (ماركۇس) نى بىللە ئېلىپ كەتتى. ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدە بەزى پەيغەمبەرلەر ۋە تەلىم بەرگۈچىلەر بار ئىدى. ئۇلار بارنابا، «قارا» لەقەملىك شىمون، كىرىنىلىك لۇكى، ھىرود خان بىلەن بىللە چوڭ بولغان مېناھېن ۋە سائۇل قاتارلىقلار ئىدى. بىر كۈنى ئۇلار خۇداغا ئىبادەت قىلىپ روزا تۇتۇۋاتقان ۋاقتىدا، مۇقەددەس روھ ئۇلارغا: - بارنابا بىلەن سائۇلنى مەن چاقىرغان خىزمەتلەرنى قىلىشقا ئاجرىتىڭلار، - دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار يەنە ئازراق ۋاقىت روزا تۇتۇپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن، بارنابا بىلەن سائۇلنى ئاجرىتىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئۇچىسىغا قوللىرىنى تەگكۈزۈپ ئۇلارنى ئۇزىتىپ قويدى. مۇقەددەس روھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن يولغا چىققان بارنابا بىلەن سائۇل سەلەكىيە شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن كېمىگە ئولتۇرۇپ، سىپرۇس دېگەن ئارالغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇلار سالامىس شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، يەھۇدىي ئىبادەتخانىلىرىدا خۇدانىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزۈشكە باشلىدى. يۇھاننا (ماركۇس) ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملەشتى. ئۇلار پۈتۈن ئارالنى ئارىلاپ چىقىپ، پافوس شەھىرىگە كەلدى. ئۇلار ئۇ يەردە ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ ئاتىۋالغان باريەشۇ ئىسىملىك بىر يەھۇدىي سېھىرگەر بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. ئۇ سېھىرگەر بۇ ئارالنىڭ بىلىملىك رىملىق ۋالىيسى سېرگىيۇس پائۇلنىڭ تونۇشى ئىدى. ۋالىي سېرگىيۇس بارنابا بىلەن سائۇلنى چاقىرتىپ، خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىماقچى بولدى. لېكىن، ھېلىقى سېھىرگەر (ئۇنىڭ گرېكچە ئىسمى ئەلىماس بولۇپ، «سېھىرگەر» دېگەن مەنىدە) قارشى چىقىپ، ۋالىينى بۇ ئېتىقادنى قوبۇل قىلىشتىن توسۇشقا تىرىشتى. بىراق، مۇقەددەس روھقا چۆمگەن سائۇل (گرېكچە ئىسمى پاۋلۇس ) ھېلىقى سېھىرگەرگە تىكىلىپ قاراپ، ئۇنىڭغا: - ئەي شەيتاننىڭ ئوغلى! ھەممە ئادىللىقنىڭ دۈشمىنىسەن. قەلبىڭ ھەر خىل ھىيلىگەرلىك ۋە ئالدامچىلىق بىلەن تولغان. خۇدانىڭ توغرا يوللىرىنى بۇرمىلاشنى زادى توختاتمامسەن؟! ئەمدى خۇدا سېنى جازاغا تارتىدۇ! كۆزلىرىڭ كور بولۇپ، بىر مەزگىل كۈننىڭ يورۇقىنى كۆرەلمەيسەن! - دېدى. شۇئان، ئەلىماس كۆزلىرىنى بىر قارا تۇمان توسقانلىقىنى سەزدى. ئۇ قوللىرىنى ئۇزىتىپ، باشقىلارنىڭ يېتەكلىشىنى ئۆتۈندى. يۈز بەرگەن ئەھۋالنى كۆرگەن ۋالىي ئۇلارنىڭ رەببىمىز ئەيسا ھەققىدىكى تەلىملىرىگە ھەيران بولۇپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. پاۋلۇس بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھلىرى كېمىگە ئولتۇرۇپ، پافوستىن پامفىلىيە ئۆلكىسىنىڭ پەرگە شەھىرىگە باردى. ئۇ يەردە يۇھاننا (ماركۇس) ئۇلاردىن ئايرىلىپ يېرۇسالېمغا قايتتى. پاۋلۇسلار بولسا پەرگە شەھىرىدىن سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، پىسىدىيە رايونىدىكى ئانتاكيا شەھىرىگە بېرىپ، دەم ئېلىش كۈنى يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىردى. تەۋرات ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىملىرى ئوقۇلغاندىن كېيىن، ئىبادەتخانىنىڭ مەسئۇللىرى ئۇلارنى چاقىرتىپ: - قېرىنداشلار، ئەگەر جامائەتنى رىغبەتلەندۈرىدىغان گەپ-سۆزۈڭلار بولسا، ئېيتىڭلار، - دېدى. پاۋلۇس ئورنىدىن تۇرۇپ، قولىنى كۆتۈرۈپ، خالايىقنى تىنچىتىپ، مۇنداق دېدى: - ئەي ئىسرائىللار ۋە يەھۇدىي ئەمەس تەقۋادارلار، قۇلاق سېلىڭلار! ئىسرائىللار ئەزەلدىن بېرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئەجدادلىرىمىزنى تاللىدى. ئۇلار مىسىردا ياشىغان مەزگىلدە، خۇدا ئۇلارنى ئۇلۇغ بىر مىللەت قىلدى. خۇدا كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ، قۇللۇق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئۇلارنى مىسىردىن قۇتقۇزۇپ چىقتى ۋە چۆلدە ئۇلارغا تەخمىنەن قىرىق يىل غەمخورلۇق قىلدى. ئۇ قانان زېمىنىدىكى يەتتە مىللەتنى يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنلىرىنى ئىسرائىل خەلقىگە زېمىنلىققا بەردى. بۇ ئىشلارغا ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ 450 يىل كەتتى. كېيىن خۇدا سامۇئىل پەيغەمبەرنىڭ زامانىغىچە ئۇلارغا باتۇر يېتەكچىلەرنى تىكلەپ بەردى. كېيىن، ئۇلار سامۇئىل پەيغەمبەردىن بىر پادىشاھ تەيىنلەشنى تەلەپ قىلغانىدى. شۇڭا، خۇدا ئۇلارغا بىنيامىن قەبىلىسىدىن كىش ئىسىملىك ئادەمنىڭ ئوغلى سائۇلنى تاللاپ بەردى. سائۇل قىرىق يىل پادىشاھلىق قىلدى. بىراق، خۇدا سائۇلنى تەختىدىن چۈشۈرۈپ، داۋۇتنى پادىشاھ قىلىپ بەردى. خۇدا پادىشاھ داۋۇت ھەققىدە مۇنداق دېگەنىدى: «يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇت مېنى بەك خۇش قىلدى. ئۇ مەن نېمە دېسەم، شۇنى قىلىدۇ!» خۇدا بۇرۇن ۋەدە بەرگىنىدەك، داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىسرائىللارغا بىر قۇتقۇزغۇچى تەيىنلىدى. ئۇ - ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىدۇر! ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى باشلاشتىن بۇرۇن، يەھيا پەيغەمبەر چىقىپ، ئىسرائىل خەلقىنى گۇناھلىرىغا توۋا قىلىپ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىشقا دەۋەت قىلدى. يەھيا پەيغەمبەر ۋەزىپىنى تاماملاش ئالدىدا، خالايىققا مۇنداق دېگەنىدى: «سىلەر مېنى كىم دەيسىلەر؟ مېنى خۇدا ئەۋەتىدىغان قۇتقۇزغۇچى دەمسىلەر؟ ياق! مەن سىلەر كۈتكەن ئادەم ئەمەسمەن. ئۇ مەندىن كېيىن كېلىدۇ، مەن ھەتتا ئۇنىڭ ئايىغىنىڭ يىپلىرىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن!» ئەي ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان قېرىنداشلار ۋە يەھۇدىي دىنىنى ياقلايدىغان يەھۇدىي ئەمەسلەر، قۇلاق سېلىڭلار! خۇدا ھەممىمىزنى قۇتقۇزۇلسۇن دەپ، بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزدى. يېرۇسالېم خەلقى ۋە ئۇلارنىڭ باشلىقلىرى ھەر دەم ئېلىش كۈنى ئىبادەتخانىدا پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەزرىتى ئەيسا توغرىسىدىكى سۆزلىرىنىڭ ئوقۇلۇشىنى ئاڭلىسىمۇ، چۈشەنمەيتتى، ھەزرىتى ئەيسانىڭ قۇتقۇزغۇچى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتمىگەنىدى. ئۇلارنىڭ ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلۈم جازاسىغا لايىق دېيىشى بىلەن، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئالدىن ئېيتقانلىرى ئەمەلگە ئاشتى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشقا بىرەر گۇناھ تاپالمىغان بولسىمۇ، ۋالىي پىلاتۇستىن يەنىلا ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى تەلەپ قىلدى. پىلاتۇس قوشۇلدى. ئۇلار بۇ ئىشلارنى پەيغەمبەرلەرنىڭ قۇتقۇزغۇچى ھەققىدە ئالدىن ئېيتقانلىرىنى بىلمەستىن قىلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ جەسىتى كرېستتىن چۈشۈرۈلۈپ، دەپنە قىلىندى. لېكىن، خۇدا ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى! تىرىلگەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا بۇرۇن ئۆزى بىلەن بىللە جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن يېرۇسالېمغىچە ئەگىشىپ كەلگەنلەرگە كۆپ قېتىم كۆرۈندى. ھازىر بۇ كىشىلەر ئىسرائىل خەلقىگە ھەزرىتى ئەيسانىڭ گۇۋاھچىسى بولۇۋاتىدۇ! خۇدانىڭ ھەزرىتى ئەيسانى مەڭگۈ چىرىمەس قىلىپ تىرىلدۈرگەنلىكى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن مۇنداق يېزىلغان: «پادىشاھ داۋۇتقا قىلغان ۋەدەمدە تۇرۇپ، سىلەرگە مۇقەددەس ۋە مۇقەررەر بەخت ئاتا قىلىمەن!» بۇ ھەقتە زەبۇرنىڭ يەنە بىر يېرىدە تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ مۇنداق يېزىلغان: «خۇدا، سەن سادىق خىزمەتكارىڭنىڭ تېنىنىڭمۇ چىرىشىگە يول قويمايسەن.» بۇ يەردىكى «سادىق خىزمەتكار» دېگەن سۆز پادىشاھ داۋۇتقا قارىتىلغان ئەمەس. چۈنكى، پادىشاھ داۋۇت ئۆزىنىڭ زامانىدا خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە خىزمەت قىلىپ، ئالەمدىن ئۆتۈپ يەرگە كۆمۈلگەن. ئۇنىڭ تېنى چىرىپ كەتكەن. ھەزرىتى ئەيسا بولسا خۇدا تەرىپىدىن تىرىلدۈرۈلدى. ئۇنىڭ تېنى پەقەت چىرىمىدى. شۇڭا قېرىنداشلار، شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، بىزنىڭ سىلەرگە يەتكۈزۈۋاتقان گۇناھتىن كەچۈرۈم قىلىنىش يولى ھەزرىتى ئەيسانىڭ قىلغانلىرى ئارقىلىقلا مۇمكىن بولىدۇ! مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىغا بويسۇنۇشقا ھەرقانچە تىرىشساڭلارمۇ، گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ. خۇدا پەقەت ھەزرىتى ئەيسا ئارقىلىقلا سىلەرنى ھەققانىي ئادەم دەپ قارايدۇ. شۇڭا، پەيغەمبەرلەر ئالدىن ئېيتقان بالايىئاپەت بېشىڭلارغا كېلىپ قالماسلىق ئۈچۈن، ئېھتىيات قىلىپ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە دىققەت قىلىڭلار!: «قۇلاق سېلىڭلار، ئەي مېنى مازاق قىلىۋاتقانلار! ئالاقزادىلىككە چۈشۈپ ئۆلىسىلەر! چۈنكى، مېنىڭ زامانىڭلاردا قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمنى كۆرگىنىڭلاردا، كىشىلەر ئۇنى سىلەرگە چۈشەندۈرسىمۇ، ئىشەنمەيسىلەر!» پاۋلۇس بىلەن بارنابا ئىبادەتخانىدىن چىقىۋاتقاندا، جامائەت ئۇلارنى كېلەركى دەم ئېلىش كۈنى بۇ ئىشلار ھەققىدە يەنە تەلىم بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. جامائەت تارقالغاندا، نۇرغۇن يەھۇدىيلار ۋە ئۇلارنىڭ دىنىنى ياقلايدىغان يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ پاۋلۇس بىلەن بارناباغا ئەگەشتى. بۇ ئىككىسى ئۇلارغا سۆز قىلىپ، «خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدە ياشاشنى داۋاملاشتۇرۇڭلار!» دەپ رىغبەتلەندۈردى. كېيىنكى دەم ئېلىش كۈنى، پۈتۈن شەھەر خەلقى دېگۈدەك رەببىمىز ئەيسا ھەققىدىكى سۆزلەرنى ئاڭلىغىلى كېلىشتى. بىراق، بۇنچە كۆپ ئادەملەرنى كۆرگەن بىر قىسىم يەھۇدىيلار ھەسەت قىلىشقا باشلىدى. ئۇلار پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلدى ۋە ئۇنى ھاقارەتلىدى. لېكىن، پاۋلۇس بىلەن بارنابا تېخىمۇ يۈرەكلىك ھالدا مۇنداق دېدى: - بىز خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئالدى بىلەن يەھۇدىي قېرىنداشلىرىمىزغا يەتكۈزۈشىمىز كېرەك ئىدى. لېكىن، سىلەر يەھۇدىيلار ئۇنى قوبۇل قىلمىدىڭلار. ئۆزۈڭلارنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشكە لايىق كۆرمىدىڭلار. شۇڭا، بىز سىلەردىن ئايرىلىدىغان بولدۇق. ئەمدى بىز خۇش خەۋەرنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يەتكۈزىمىز! چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدا بىزگە مۇنداق بۇيرۇغان: «يەر يۈزىنىڭ بۇ چېتىدىن ئۇ چېتىگىچە بارلىق ئىنسانلارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن، سېنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە نۇر قىلىپ ئەۋەتتىم.» يەھۇدىي ئەمەسلەر بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، خۇشال بولۇشتى ۋە ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدىكى بۇ تەلىملەر ئۈچۈن خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشتى. خۇدا تەرىپىدىن مەڭگۈلۈك ھاياتنى قوبۇل قىلىشقا تاللانغانلارنىڭ ھەممىسى ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. شۇنداق قىلىپ، رەببىمىز ئەيسا ھەققىدىكى خۇش خەۋەر پۈتۈن زېمىنغا كەڭ تارقالدى. بىراق، يەھۇدىيلار شەھەر باشلىقلىرىنى ۋە ئابرويلۇق دىندار ئاياللارنى پاۋلۇس بىلەن بارناباغا قارشى تۇرۇشقا قۇتراتتى. ئۇلار ئۇ ئىككىسىگە زىيانكەشلىك قىلغۇزۇپ، ئۇلارنى ئۆز يەرلىرىدىن قوغلاپ چىقاردى. شۇڭا، پاۋلۇس بىلەن بارنابا ھېلىقى يەھۇدىيلارنى ئەيىبلەش ئۈچۈن ئاياغلىرىدىكى توپىنى قېقىۋېتىپ، كونيا شەھىرىگە كېتىپ قالدى. ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلار بولسا خۇشاللىققا ھەمدە مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە چۆمدى. پاۋلۇس بىلەن بارنابا كونيا شەھىرىدىمۇ ئادىتى بويىچە يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىردى. ئۇلار جامائەتكە شۇنداق سۆزلىدىكى، نەتىجىدە نۇرغۇن يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدىكى خۇش خەۋەرگە ئىشەندى. بىراق، ئىشەنمىگەن يەھۇدىيلار باشقا يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئىدىيىسىنى زەھەرلەپ، ئۇلارنى ئېتىقادچىلارغا قارشى تۇرۇشقا قۇتراتتى. پاۋلۇس بىلەن بارنابا ئۇ يەردە خېلى ئۇزۇن تۇرۇپ، رەببىمىز ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يۈرەكلىك ھالدا يەتكۈزدى. رەببىمىز ئەيسامۇ ئۇلارغا مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى بېرىپ، ئۇلار يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. بۇنىڭ بىلەن، شەھەر خەلقى ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى. بەزىلىرى ھەزرىتى ئەيساغا ئىشەنمەيدىغان يەھۇدىيلار تەرەپتە، بەزىلىرى بولسا ئەلچىلەر تەرەپتە تۇردى. ئاخىردا، ھەزرىتى ئەيساغا ئىشەنمەيدىغان يەھۇدىيلار بىلەن يەھۇدىي ئەمەسلەر ئۆز باشلىقلىرى بىلەن بىرلىكتە ئەلچىلەرنى قىيناپ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرمەكچى بولدى. شۇ چاغدا، لىسترا شەھىرىدە بىر تۇغما پالەچ بار ئىدى. بۇ ئادەم پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىپ ئولتۇراتتى. ئۇنى دىققەت بىلەن كۆزەتكەن پاۋلۇس ئۇنىڭ ھەزرىتى ئەيساغا ئىشەنگەنلىكىنى ۋە ساقايتىلىپ كېتىشكە ئىشەنچى بارلىقىنى سېزىپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: - ئورنۇڭدىن تۇر! - دېدى. ھېلىقى ئادەم شۇئان دەس تۇرۇپ مېڭىشقا باشلىدى. پاۋلۇسنىڭ بۇ كارامىتىنى كۆرگەن كۆپچىلىك لىكاۋۇنيا تىلى بىلەن: - خۇدالار ئىنسان قىياپىتىدە ئارىمىزغا كەپتۇ! - دەپ ۋارقىرىشىپ كەتتى. ئۇلار بارنابانى ئىلاھ زېئۇس، دەپ ئاتاشتى. پاۋلۇس كۆپرەك سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنى ئىلاھ ھېرمىس، دەپ ئاتاشتى. شەھەرنىڭ سىرتىدا «زېئۇس ئىلاھ»~نىڭ بۇتخانىسى بار ئىدى. شۇ بۇتخانىدا ئىشلەيدىغان روھانىي خەلق بىلەن بىللە ئەلچىلەرگە ئاتاپ قۇربانلىق قىلماقچى بولۇپ، شەھەر دەرۋازىسىغا ئۆكۈز ۋە گۈل چەمبىرەكلەرنى ئېلىپ كەلدى. بارنابا بىلەن پاۋلۇس ئۇلارنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشىنى ئاڭلاپ، يىرگەنگەن ھالدا، نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن كۆڭلەكلىرىنى يىرتىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ، ۋارقىراپ مۇنداق دېدى: - ئۇنداق قىلماڭلار! بىزمۇ ئادەم، سىلەرگە ئوخشاش ئىنسان! بىز سىلەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە كەلدۇق. خۇش خەۋەر شۇكى: ئەرزىمەس نەرسىلەرگە چوقۇنماي، مەڭگۈ ھايات بولغان بىردىنبىر خۇداغىلا ئىبادەت قىلىڭلار! ئۇ ئاسمان-زېمىن، دېڭىز-ئوكيان ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەخلۇقلارنى ياراتقان خۇدادۇر! بۇرۇنقى زامانلاردا، خۇدا ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئادەملىرىنى ئۆزلىرى تاللىغان يولدا مېڭىشىغا قويۇپ بەرگەن. شۇنداقتىمۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھەمىشە ئىسپاتلاپ كەلگەن. ئۇ ھەمىشە ھەممىمىزگە شاپائەت قىلىپ، يامغۇرنى ئۆز ۋاقتىدا ياغدۇرۇپ مول ھوسۇل بېغىشلاپ، رىزقىمىزنى بېرىپ، قەلبىمىزنى خۇشاللىققا چۆمدۈردى. شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئۇلار بۇ سۆزلەرنى قىلغان بولسىمۇ، خالايىقنىڭ ئۇلارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىشىنى توسۇپ قالالمىغىلى تاسلا قالدى. لېكىن، ئانتاكيا ۋە كونيا شەھەرلىرىدىن كەلگەن بەزى يەھۇدىيلار كىشىلەرنى قۇتراتتى. نەتىجىدە، خەلق پاۋلۇسنى چالما-كېسەك قىلدى. ئۇلار پاۋلۇسنى ئۆلدى دەپ ئويلاپ، شەھەر سىرتىغا سۆرەپ ئاپىرىپ تاشلىۋەتتى. لېكىن، ئېتىقادچىلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا توپلانغاندا، پاۋلۇس ئورنىدىن تۇرۇپ، شەھەرگە قايتىپ كىردى. ئەتىسى، ئۇ بارنابا بىلەن بىللە دەربە شەھىرىگە كەتتى. پاۋلۇس بىلەن بارنابا دەربە شەھىرىدە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈپ، نۇرغۇن ئادەملەرنى ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشغا يېتەكلىدى. كېيىن، ئىككىيلەن لىسترا، كونيا ۋە ئانتاكيا شەھەرلىرىگە قايتىپ باردى. ئۇلار ئۇ يەرلەردە ئېتىقادچىلارنىڭ ئېتىقادىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى رەببىمىز ئەيساغا داۋاملىق سادىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى. ئۇلار ئېتىقادچىلارغا مۇنداق دېدى: - بىز خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىش ئۈچۈن، چوقۇم نۇرغۇن جاپالارنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. پاۋلۇس بىلەن بارنابا يەنە ھەرقايسى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە يېتەكچىلەرنى بەلگىلەپ، دۇئا قىلىش ۋە روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىدىغان رەببىمىز ئەيساغا تاپشۇردى. ئىككىيلەن پىسىدىيە رايونىدىن ئۆتۈپ پامفىلىيە ئۆلكىسىگە كەلدى. ئۇلار پەرگە شەھىرىدە خۇدانىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، دېڭىز بويىدىكى ئانتاليا شەھىرىگە باردى. ئاندىن، ئۇ يەردىن كېمىگە ئولتۇرۇپ، سۇرىيىدىكى ئانتاكياغا قايتتى. ئۇلار ئۆزلىرى تاماملىغان بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلىشتىن بۇرۇن، ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلارنىڭ دۇئاسىنى ئالغان بولۇپ، ئېتىقادچىلار ئۇلارنى خۇداغا تاپشۇرۇپ، شۇ چەت زېمىنلارغا خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە ئەۋەتكەنىدى. ئۇلار ئانتاكياغا قايتىپ كېلىپ، ئېتىقادچىلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، ئۇلارغا خۇدانىڭ ئۆزلىرى ئارقىلىق قانداق ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ۋە خۇدانىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرگە قانداق يول ئېچىپ، ئۇلارنىمۇ ئېتىقادى ئارقىلىق قۇتقۇزغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇلار ئۇ يەردە ئېتىقادچىلار بىلەن بىللە ئۇزۇن مەزگىل تۇردى. ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغان بەزى يەھۇدىيلار يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن كېلىپ، ئانتاكيادىكى يەھۇدىي ئەمەس ئېتىقادچىلارغا: - سىلەر مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋراتتىكى خەتنە قىلىنىش ھەققىدىكى بەلگىلىمىنى قوبۇل قىلمىساڭلار، قۇتقۇزۇلمايسىلەر! - دەپ تەلىم بېرىشكە باشلىدى. بۇ مەسىلە توغرىسىدا پاۋلۇس بىلەن بارنابا ئىككىيلەن ئۇلار بىلەن كەسكىن مۇنازىرە ۋە تالاش-تارتىش قىلىشتى. شۇڭا، ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلار پاۋلۇس بىلەن بارناباغا بىرنەچچە ئادەم قوشۇپ: «بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا بېرىپ، باشقا ئەلچىلەر ۋە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىلىرى بىلەن كۆرۈشۈڭلار» دەپ قارار قىلدى. شۇنداق قىلىپ، ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلار پاۋلۇسلارنى يولغا سالدى. ئۇلار سەپىرىدە فەنىكىيە رايونى ۋە سامارىيە ئۆلكىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، بارغانلا يېرىدە يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭمۇ يامان يوللىرىدىن يېنىپ، ھەزرىتى ئەيساغا يۈزلەنگەنلىك ۋەقەسىنى سۆزلىدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان پۈتۈن ئېتىقادچىلار ناھايىتى خۇرسەن بولۇشتى. پاۋلۇسلار يېرۇسالېمغا كەلگىنىدە، ئەلچىلەر، يېتەكچىلەر ۋە باشقا ئېتىقادچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. ئۇلار كۆپچىلىككە خۇدانىڭ ئۆزلىرى ئارقىلىق قىلغان ئىشلىرىنى يەتكۈزدى. لېكىن، پەرىسىي دىنىي ئېقىمىدىكىلەردىن ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغان بەزىلەر ئورنىدىن تۇرۇشۇپ: - ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ خەتنە قىلىنمىسا بولمايدۇ! ئۇنىڭدىن باشقا، تەۋراتتىكى بارلىق تۈزۈمگە ئەمەل قىلىشى كېرەك! - دېدى. شۇڭا، ئەلچىلەر بىلەن يېتەكچىلەر بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن جەم بولۇشتى. ئۇزۇن سۆھبەتلىشىشتىن كېيىن، پېترۇس ئورنىدىن تۇرۇپ مۇنداق دېدى: - قېرىنداشلار، خۇدانىڭ مېنى بىرنەچچە يىل بۇرۇن سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدۇرۇشقا تاللىغانلىقىدىن خەۋىرىڭلار بار. ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى بىلىدىغان خۇدا ئۆزىنىڭ روھىنى بىزگە ئاتا قىلغىنىدەك، يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ ئاتا قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، خۇدا يەھۇدىي ئەمەسلەرنىمۇ قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خۇدا ئۇلارنى بىز بىلەن تەڭ كۆردى. ئۇلارنىڭ ھەزرىتى ئەيساغا بولغان ئېتىقادى ئارقىلىق خۇدا ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى پاك قىلدى. ئەھۋال مانا شۇنداق ئىكەن، ئەمدى سىلەر نېمە ئۈچۈن يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ بويۇنلىرىغا شۇنچە ئېغىر يۈكنى ئارتماقچى بولىسىلەر؟ ئۇنى ئۆزىمىز ۋە ئەجدادلىرىمىزمۇ كۆتۈرەلمىگەن تۇرسا! ئۇنداق قىلساڭلار، خۇدانىڭ يولىنى سىنىغان بولمامسىلەر؟! ياق! ئۇنداق قىلماڭلار! بىز يەھۇدىيلار رەببىمىز ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتىگە تايىنىپ، ئېتىقادىمىز ئارقىلىق قۇتقۇزۇلغاندەك، ئۇلارمۇ شۇنداق قۇتقۇزۇلىدۇ! پېترۇس گېپىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۆيدە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى. ئاندىن، بارنابا بىلەن پاۋلۇس چىقىپ، خۇدانىڭ ئۆزلىرى ئارقىلىق يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىدا كۆرسەتكەن بارلىق مۆجىزە ۋە كارامەتلىرىنى بايان قىلدى. ئۇلار سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، ياقۇپ مۇنداق دېدى: - قېرىنداشلار، قۇلاق سېلىڭلار! باياتىن پېترۇس خۇدانىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىدىنمۇ ئادەم تاللاپ، ئۆزىنىڭ خەلقى قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېيتقانلىرىمۇ بۇنىڭغا پۈتۈنلەي ئۇيغۇن كېلىدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ ئاموس پەيغەمبەرگە ئېيتقان مۇنۇ سۆزلىرى يېزىلغان: «كېيىن، مەن قايتىپ كېلىپ، پادىشاھ داۋۇتنىڭ ۋەيران بولغان پادىشاھلىقىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىمەن. ئۇنى خارابىلىكتىن قايتا بىنا قىلىپ، ئەسلىگە كەلتۈرىمەن. شۇنداق قىلىپ، باشقا ھەرقانداق ئادەم، جۈملىدىن مەن ئۆز خەلقىم بولۇشقا چاقىرغان يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ مېنى تاپىدۇ. مەن - سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار، خۇددى بۇرۇنلا ۋەدە قىلغىنىمدەك، بۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن!» ياقۇپ سۆزىنى خۇلاسىلەپ، مۇنداق دېدى: - شۇنىڭ ئۈچۈن، مېنىڭچە خۇداغا ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىي ئەمەسلەرگە ئورۇنسىز تەلەپ قويماسلىقىمىز كېرەك! پەقەت ئۇلارغا: «بۇتلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشلەرنى يېمەڭلار، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلماڭلار، قاننى ۋە بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋاننىڭ گۆشلىرىنىمۇ يېمەڭلار!» دەپ تاپىلاپ، بىر پارچە خەت يازايلى. چۈنكى، يەھۇدىيلار مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدىكى بۇ تەلىملەرنى ئۇزۇندىن بېرى ھەر دەم ئېلىش كۈنى ھەرقايسى شەھەردىكى ئىبادەتخانىلاردا يىغىلىپ، ئۆگىنىپ كەلگەن. شۇنداق قىلىپ، ئەلچىلەر، يېتەكچىلەر ۋە يېرۇسالېمدىكى باشقا پۈتۈن ئېتىقادچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدىن بىرنەچچە ئادەمنى تاللاپ، ئۇلارنى پاۋلۇس ۋە بارنابا بىلەن بىللە ئانتاكياغا ئەۋەتىشنى قارار قىلدى. يەھۇدا (بارسابا دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بىلەن سىلاس بۇنىڭغا تاللاندى. بۇ ئىككىيلەن بۇرۇندىن ئېتىقادچىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كەلگەنىدى. خەتتە مۇنداق يېزىلغان: «ھۆرمەتلىك ئانتاكيا، سۇرىيە ۋە كىلىكىيە ئۆلكىلىرىدىكى بارلىق يەھۇدىي ئەمەس ئېتىقادچىلار! يېرۇسالېمدىكى قېرىنداشلىرىڭلاردىن، يەنى بىز ئەلچىلەر بىلەن يېتەكچىلەردىن سىلەرگە سالام! بىزدىن يېنىڭلارغا بارغان بەزى كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىنىڭ سىلەرنى بىئارام ۋە پاراكەندە قىلىپ قويغانلىقىنى ئاڭلىدۇق. لېكىن، بىز ئۇلارغا ئۇنداق سۆزلەرنى قىلىشنى تاپشۇرمىغانىدۇق. شۇ سەۋەبتىن، بىز بۇ ئىشنى مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن، ئارىمىزدىن بىرنەچچە كىشىنى تاللاپ، ئۇلارنى قەدىردان دوستلىرىمىز بارنابا ۋە پاۋلۇس بىلەن بىللە يېنىڭلارغا ئەۋەتىشنى قارار قىلدۇق. بۇ ئىككىيلەن ھاياتىنىڭ خەتەرگە ئۇچرىشىغا قارىماي، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمىتىدە بولغان كىشىلەردۇر. شۇڭا، بىز يەھۇدا بىلەن سىلاسنىمۇ خېتىمىزدىكى قارارلىرىمىزنى سىلەرگە ئۆز ئاغزى بىلەن سۆزلەپ بەرسۇن دەپ، يېنىڭلارغا ئەۋەتىشنى قارار قىلدۇق. مەقسەتكە كەلسەك، بىز مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمى بىلەن زۆرۈر بولغان ئىككى-ئۈچ بەلگىلىمىدىن سىرت، سىلەرگە ھەرقانداق بىر ئېغىر يۈك يۈكلىمەسلىكنى قارار قىلدۇق. زۆرۈر بولغان بەلگىلىمىلەر تۆۋەندىكىچە: بۇتلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشلەرنى يېمەڭلار. قاننى ۋە بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋاننىڭ گۆشلىرىنىمۇ يېمەڭلار. جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلماڭلار. سىلەر مۇشۇ بىرنەچچە ئىشتىن خالىي بولساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر. سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز!» ۋەكىللەر يولغا چىقىپ، بارنابا ۋە پاۋلۇس بىلەن بىللە ئانتاكياغا باردى. ئۇ يەردە پۈتۈن ئېتىقادچىلارنى يىغىپ، خەتنى ئۇلارغا تاپشۇردى. ئۇلار خەتتىكى مەدەت بېرىدىغان سۆزلەرنى ئوقۇپ، ئىنتايىن خۇرسەن بولۇشتى. يەھۇدا ۋە سىلاسلار پەيغەمبەر بولۇپ، ئېتىقادچىلارغا نۇرغۇن سۆزلەرنى قىلىپ، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئېتىقادىنى كۈچەيتتى. يېرۇسالېمدىن كەلگەنلەر ئۇ يەردە ئازراق ۋاقىت تۇرۇپ، يېرۇسالېمدىكى ئۆزلىرىنى ئەۋەتكەن ئېتىقادچىلارنىڭ قېشىغا قايتتى. ئانتاكيادىكى ئېتىقادچىلار ئۇلارنى ئۇزىتىپ، سەپىرىگە ئامانلىق تىلىدى. ئارىدىن ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، پاۋلۇس بارناباغا: - بىز بۇرۇن رەببىمىزنىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزگەن ھەممە شەھەر-يېزىلارغا بېرىپ، ئېتىقادچىلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ كېلەيلى، - دېدى. بارنابا ماقۇل كۆرۈپ، يۇھاننا (ماركۇس) نى بىللە ئېلىپ بارماقچى بولغانىدى. بىراق، پاۋلۇس بۇنى دانا پىكىر ئەمەس، دەپ قارىدى. چۈنكى، ماركۇس ئالدىنقى قېتىم ئۇلار بىلەن بىللە ئىشلەشنى داۋاملاشتۇرماي، پامفىلىيە ئۆلكىسىدە ئۇلاردىن ئايرىلىپ كەتكەنىدى. پاۋلۇس بىلەن بارنابا بۇ ئىش يۈزىسىدىن قاتتىق تالاش-تارتىش قىلىشىپ، ئاخىر بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ كېتىشتى. بارنابا ماركۇسنى ئېلىپ، كېمىگە ئولتۇرۇپ سىپرۇس ئارىلىغا كەتتى. پاۋلۇس بولسا سىلاسنى تاللاپ، ئېتىقادچىلارنىڭ ئۆزى بىلەن سىلاسنى خۇداغا ئامانەت قىلىشى بىلەن ئۇلاردىن ئايرىلىپ يولغا چىقتى. پاۋلۇسلار سۇرىيە ۋە كىلىكىيە ئۆلكىلىرىنى ئارىلاپ، ھەرقايسى جايلاردا ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدىكى كىشىلەرنىڭ ئېتىقادىنى كۈچەيتتى. پاۋلۇسلار دەربە ۋە لىسترا شەھەرلىرىگىمۇ كىرىپ ئۆتتى. لىسترادا تىموتىي ئىسىملىك بىر ئېتىقادچى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىي ئايال ئىدى، ئاتىسى بولسا گرېك ئىدى. لىسترا ۋە كونيا شەھەرلىرىدىكى ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى تىموتىينى ماختىشاتتى. شۇڭا، پاۋلۇس ئۇنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ ماڭماقچى بولدى. بىراق، بۇ يەردىكى يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسى تىموتىينىڭ ئاتىسىنىڭ گرېك ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، پاۋلۇس يەھۇدىيلارنىڭ ئۇنى قوبۇل قىلماسلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇنى خەتنە قىلدۇردى. ئۇلار شەھەر-يېزىلاردىن ئۆتكەچ، يېرۇسالېمدىكى ئەلچىلەر بىلەن يېتەكچىلەر بەلگىلىگەن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە مۇناسىۋەتلىك، رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك بولغان قارارلارنى ئېتىقادچىلارغا يەتكۈزدى. شۇنداق قىلىپ، ھەرقايسى جامائەتچىلىكتىكىلەرنىڭ ئېتىقادى كۈچەيتىلىپ، ئېتىقادچىلارنىڭ سانىمۇ كۈندىن-كۈنگە كۆپەيدى. پاۋلۇسلار فرىگىيە ۋە گالاتىيا رايونلىرىغا كىرىپ ئۆتۈپ كەتتى. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا، مۇقەددەس روھ ئۇلارنىڭ ئاسىيا ئۆلكىسىدە خۇش خەۋەر تارقىتىشىغا يول قويمىغانىدى. ئۇلار مىسىيە رايونىغا كەلگەندىن كېيىن، بىتىنىيە ئۆلكىسىگە كىرمەكچى بولدى. بىراق، ھەزرىتى ئەيسانىڭ روھى ئۇلارنىڭ كىرىشىگە يەنە بىر قېتىم يول قويمىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار مىسىيىدىن ئۆتۈپ، دېڭىز بويىدىكى تروئاس شەھىرىگە باردى. شۇ كۈنى كەچتە، پاۋلۇسقا بىر غايىبانە ئالامەت كۆرۈنۈپ، ماكېدونىيىلىك بىر كىشى ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ: - دېڭىزدىن ئۆتۈپ، ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە كېلىپ، بىزگە ياردەم بەرسىڭىز! - دەپ تەلەپ قىلدى. پاۋلۇس بۇ ئالامەتنى كۆرگەندىن كېيىن، بىز دەرھال ماكېدونىيىگە بېرىشقا تەييارلاندۇق. چۈنكى، خۇدانىڭ بىزنى ئۇ كىشىلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ، خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە چاقىرغانلىقىنى چۈشەنگەنىدۇق. بىز كېمىگە ئولتۇرۇپ، تروئاستىن يولغا چىقىپ، سېمادىرەگ ئارىلىغا قاراپ يول ئېلىپ، ئەتىسى ماكېدونىيىدىكى نېئاپولىس شەھىرىگە باردۇق. ئۇ يەردىن ئىچكىرىلەپ، ماكېدونىيىنىڭ شۇ رايونىدىكى فىلىپى دېگەن مۇھىم شەھەرگە ئۆتتۇق. بۇمۇ رىملىقلار ئورۇنلىشىۋالغان ۋە ئۇلار باشقۇرۇۋاتقان شەھەر ئىدى. بىز بۇ يەردە بىرنەچچە كۈن تۇردۇق. دەم ئېلىش كۈنى، شەھەر سىرتىدىكى دەريا ساھىلىگە باردۇق. خۇددى ئويلىغىنىمىزدەك، ئۇ يەردە يەھۇدىيلار دۇئا-تىلاۋەت قىلىدىغان بىر جاينى تاپتۇق. بىز ئولتۇرۇپ، ئۇ يەرگە توپلانغان ئاياللار بىلەن سۆھبەتلەشتۇق. ئاڭلىغۇچىلار ئىچىدە تىياتىرا شەھىرىدىن كەلگەن لىديا ئىسىملىك بىر ئايال بار ئىدى. سۆسۈن رەڭلىك رەخت ساتىدىغان لىديا گەرچە يەھۇدىي بولمىسىمۇ، خۇداغا ئىبادەت قىلاتتى. خۇدانىڭ ئۇنىڭ قەلبىنى يورۇتۇشى بىلەن، ئۇ پاۋلۇسنىڭ تەلىمىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چۆمۈلدۈرۈلگەندىن كېيىن، بىزنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ: - ئەگەر سىلەر مېنى رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى، دەپ قارىساڭلار، مېنىڭ ئۆيۈمگە بېرىپ تۇرۇپ كېتىڭلار! - دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن، بىز ئۇنىڭغا ماقۇل بولۇپ، ئۆيىگە باردۇق. بىر كۈنى بىز يەھۇدىيلار دۇئا قىلىدىغان جايغا يەنە بىر قېتىم بارغاندا، ئالدىمىزغا بىر دېدەك چىقتى. بۇ قىزغا جىن چاپلىشىۋالغان بولۇپ، بۇ روھ ئۇنى باشقىلارنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىشلىرىغا پال سالىدىغان قىلىپ قويغانىدى. ئۇ خوجايىنلىرىغا پال سېلىش ئارقىلىق نۇرغۇن پۇل تېپىپ بەرگەنىدى. ئۇ يول بويى پاۋلۇس ۋە بىزگە ئەگىشىپ: - بۇ كىشىلەر ئۇلۇغ خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى، ئۇلار سىلەرگە قۇتقۇزۇلۇش يولىنى يەتكۈزىدۇ! - دەپ ۋارقىراپ ماڭدى. ئۇ خېلى كۆپ كۈن ئۇدا شۇنداق ۋارقىرىغانىدى. بۇنىڭدىن ئىنتايىن بىزار بولغان پاۋلۇس قىزغا جىن چاپلىشىۋالغانلىقىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا بۇرۇلۇپ، ھېلىقى جىنغا: - ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن بۇيرۇيمەنكى، ئۇنىڭ تېنىدىن چىق! - دېيىشىگىلا، جىن شۇئان چىقىپ كەتتى. دېدەك پال سالالمايدىغان بولۇپ قالغاندىن كېيىن، خوجايىنلىرى پۇل تېپىش خىياللىرىنىڭ يوققا چىققانلىقىنى بىلىشىپ، پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى تارتىپ چىقىپ، ئۇلارنى شەھەر مەيدانىغا، باشلىقلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. ئۇلار پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى رىم ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىغا چىقىرىپ: - بۇ يەھۇدىيلار شەھىرىمىزنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى. ئۇلار قانۇنىمىزغا خىلاپ قائىدە-تۈزۈملەرنى تارقىتىۋاتىدۇ! بىز رىملىق بولغاندىكىن، ئۇلارنىڭ تارقاتقانلىرىنى قوبۇل قىلساق ۋە ئىجرا قىلساق بولمايدۇ! - دەپ شىكايەت قىلدى. كۆپچىلىكمۇ ئۇلارغا قوشۇلۇپ، ھۇجۇمغا ئۆتكەنىدى. ئەمەلدارلار پاۋلۇس بىلەن سىلاسنىڭ كىيىملىرىنى يىرتىپ يالىڭاچلاپ، كالتەك بىلەن ئۇرۇشقا ئەمر چۈشۈردى. ئۇلار قاتتىق ئۇرۇلغاندىن كېيىن، زىندانغا تاشلاندى. گۇندىپايغا قاتتىق كۆزىتىش بۇيرۇلدى. بۇ بۇيرۇق بىلەن گۇندىپاي ئۇلارنى زىنداننىڭ ئىچكىرىدىكى كامېرىغا سولاپ، پۇتلىرىغا ئىشكەل سالدى. تۈن يېرىمىغا يېقىن، پاۋلۇس بىلەن سىلاس دۇئا قىلىپ، خۇداغا مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىۋاتاتتى. باشقا مەھبۇسلار بولسا قۇلاق سېلىپ ئاڭلاۋاتاتتى. تۇيۇقسىز قاتتىق يەر تەۋرەپ، زىنداننىڭ ئۇللىرىمۇ سىلكىنىپ كەتتى. زىنداننىڭ پۈتۈن ئىشىكلىرى ئېچىلىپ، مەھبۇسلاردىكى كىشەنلەرمۇ چۈشۈپ كەتتى. ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ زىنداننىڭ ئىشىكلىرىنىڭ ئوچۇق تۇرغانلىقىنى كۆرگەن گۇندىپاي ھەممە مەھبۇسلار قېچىپ كەتسە، ئەمەلدارلار چوقۇم مېنى ئۆلتۈرىدۇ دەپ، قىلىچىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولدى. لېكىن، پاۋلۇس: - جېنىڭغا زامىن بولما، ھەممىمىز بار! - دەپ قاتتىق ۋارقىرىدى. گۇندىپاي چىراغ ئەكەلدۈرۈپ، پاۋلۇس بىلەن سىلاسنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ، تىترىگەن ھالدا ئۇلارنىڭ ئايىغىغا يىقىلدى. كېيىن، ئۇلارنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ: - قۇتقۇزۇلۇش ئۈچۈن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ - دەپ سورىدى. - رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشىڭ كېرەك. شۇنداق قىلساڭ، ئۆزۈڭ ھەم ئائىلەڭدىكىلەرمۇ قۇتقۇزۇلىدۇ! - دېدى ئۇلار. شۇنىڭ بىلەن، ئىككىيلەن ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە رەببىمىز ئەيسا ھەققىدە چۈشەنچە بەردى. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا گۇندىپاي ئۇلارنى باشلاپ چىقىپ، يارىلىرىنى يۇيۇپ تازىلىدى. ئۇ دەرھال ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. ئۇ پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى ئۆز ئۆيىگە باشلاپ كېلىپ، ئالدىغا داستىخان سالدى. ئۇلار خۇداغا ئېتىقاد قىلغانلىقتىن ئائىلە بويىچە خۇشاللىققا چۆمگەنىدى. ئەتىسى ئەتىگەندە، رىم ئەمەلدارلىرى زىندانغا ياساۋۇللارنى ئەۋەتىپ: - ئۇ ئىككىيلەننى قويۇۋېتىڭلار! - دەپ بۇيرۇدى. گۇندىپاي پاۋلۇسقا: - ئەمەلدارلار سىلاس ئىككىڭلارنى قويۇۋېتىش ئەمرىنى بەردى. سىلەر ئەمدى زىنداندىن چىقساڭلار بولىدۇ. تىنچ-ئامان قايتىڭلار، - دېدى. بىراق، پاۋلۇس ياساۋۇللارغا: - بىز رىم پۇقرالىرى بولساقمۇ، ئەمەلدارلار بىزنى سوراق قىلمايلا خالايىقنىڭ ئالدىدا قانۇنسىز ھالدا كالتەك بىلەن ئۇرۇپ، زىندانغا تاشلىدى. ئەمدى ئۇلار بىزنى ئوغرىلىقچە قوغلىماقچىمۇ؟ بۇنداق قىلسا بولمايدۇ. بىزنى رىم ئەمەلدارلىرى ئۆزى كېلىپ ئېلىپ كەتسۇن! - دېدى. زىنداندىن چىققان پاۋلۇس بىلەن سىلاس لىديانىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇ يەردە قېرىنداشلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ، شەھەردىن چىقىپ كەتتى. پاۋلۇس بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھلىرى سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئامفىپولىس ۋە ئاپوللونىيا شەھەرلىرىدىن ئۆتۈپ، سالونىكا شەھىرىگە كەلدى. ئۇ يەردە يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىسى بار ئىدى. يەھۇدىيلارنىڭ ئىچىدىن بەزىلەر قايىل بولۇپ، پاۋلۇس بىلەن سىلاسقا ئەگىشىپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. يەھۇدىي دىنىنى ياقلايدىغان نۇرغۇن گرېك ئەر ۋە يۇقىرى تەبىقىدىكى گرېك ئاياللارمۇ ھەزرىتى ئەيساغا ئىشەندى. بىراق، يەھۇدىيلار بۇنىڭغا ھەسەتخورلۇق قىلدى. ئۇلار كوچىدا بىكار يۈرىدىغان ئاقنانچىلارنى توپلاپ، شەھەردە توپىلاڭ كۆتۈردى. يەھۇدىيلار پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى تۇتۇپ، توپىلاڭچىلارغا تاپشۇرۇپ بېرىش مەقسىتىدە ياسۇن ئىسىملىك بىر ئېتىقادچىنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىردى. لېكىن، ئۇلار پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى تاپالماي، ياسۇن ۋە باشقا بىرنەچچە ئېتىقادچىلارنى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىغا تارتىپ ئاپىرىپ: - ھەممە جايلاردا ئالەمنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلماقچى بولغان ھېلىقى ئادەملەر شەھىرىمىزگىمۇ يېتىپ كەلدى. ياسۇن ئۇلارنى ئۆيىگە قوبۇل قىلدى. ئۇلار ئەيسا ئىسىملىك باشقا بىر پادىشاھ بار دەپ، رىم ئىمپېراتورىنىڭ پەرمانىغا خىلاپلىق قىلىۋاتىدۇ! - دەپ چۇقان سېلىپ، يالغان شىكايەت قىلدى. بۇ سۆزلەر يەرلىك ئەمەلدارلار بىلەن خالايىقنى دەككە-دۈككىگە سېلىپ قويدى. يەرلىك ئەمەلدارلار ياسۇن ۋە بىللە تۇتۇپ كېلىنگەن ئېتىقادچىلاردىن كاپالەت پۇلى ئالغاندىن كېيىنلا، ئاندىن ئۇلارنى قويۇۋەتتى. ئېتىقادچىلار پاۋلۇس بىلەن سىلاسنى شۇ كۈنى كەچ كىرىش بىلەنلا، بېرىيا شەھىرىگە ئەۋەتىۋەتتى. ئۇلار ئۇ يەرگە بېرىپ، يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىردى. ئۇ يەرنىڭ ئادەملىرى سالونىكادىكىلەرگە قارىغاندا كاللىسى ئېچىلغان بولۇپ، ئۇلار پاۋلۇس بىلەن سىلاسنىڭ ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدە بەرگەن تەلىمىنى قىزىقىپ ئاڭلىدى ۋە ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ توغرا-خاتالىقىنى بىلىش ئۈچۈن، ھەر كۈنى مۇقەددەس يازمىلارنى ئىزدىنىپ ئۆگەندى. نەتىجىدە، نۇرغۇن يەھۇدىيلار، ئۇنىڭدىن باشقا خېلى كۆپ گرېك ئەرلەر ۋە يۇقىرى تەبىقىدىكى گرېك ئاياللارمۇ ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. لېكىن، سالونىكادىكى يەھۇدىيلار پاۋلۇسنىڭ بېرىيادا ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇ يەرگە بېرىپ پاۋلۇسقا زىيانكەشلىك قىلىش مەقسىتىدە توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئاممىنى قۇتراتتى. شۇڭا، ئېتىقادچىلار پاۋلۇسنى دەرھال دېڭىز بويىدىكى جايلارغا ئەۋەتىۋەتتى. سىلاس بىلەن تىموتىي بولسا بېرىيادا قالدى. پاۋلۇسقا ھەمراھ بولۇپ ماڭغانلار ئۇنى ئافىنا شەھىرىگىچە ئېلىپ بېرىپ، ئاندىن بېرىياغا قايتىپ كەلدى. ئۇلار پاۋلۇسنىڭ «سىلاس بىلەن تىموتىي مۇمكىنقەدەر مېنىڭ يېنىمغا تېزرەك كەلسۇن» دېگەن سۆزىنى ئېلىپ كەلدى. پاۋلۇس ئافىنا شەھىرىدە سىلاس بىلەن تىموتىينى كۈتۈپ تۇرغاندا، شەھەرنىڭ ھەممە يېرىنى بۇت قاپلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن بىئارام بولدى. شۇڭا، ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا يەھۇدىيلار ۋە ئۇلارنىڭ دىنىنى ياقلايدىغان يەھۇدىي ئەمەسلەر بىلەن سۆھبەتلىشەتتى ھەم ھەر كۈنى بازاردا ئۇچرىغانلا كىشىلەر بىلەن بۇ توغرۇلۇق مۇنازىرىلىشەتتى. «ئېپىكۇرلار» ۋە «ستوئىكلار» دەپ تونۇلغان بەزى پەيلاسوپلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە باشلىدى. بەزىلەر: - بۇ جاھانكەزدى پوچى نېمە دەپ جۆيلۈۋاتىدۇ؟ - دېيىشتى. يەنە بەزىلەر پاۋلۇسنىڭ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈپ تىرىلدۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى تەلىملىرىنى ئاڭلاپ: - ئۇ چەت ئەللىكلەرنىڭ خۇدالىرىنى تەشۋىق قىلىۋاتسا كېرەك! - دېيىشتى. شۇڭا، ئۇلار پاۋلۇسنى «ئارېئوپاگۇس» دېگەن چوڭ كېڭەش مەيدانىغا ئېلىپ بېرىپ: - سەن تارقىتىۋاتقان يېڭى تەلىماتلىرىڭدىن بىزنىمۇ ئاز-تولا خەۋەردار قىلىپ قويساڭ قانداق؟ بەزى ئىشلارنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ھەيران بولدۇق، زادى نېمە دېمەكچى بولغىنىڭنى بىلمەكچىمىز، - دېيىشتى. (ئافىنالىقلار ۋە ئۇ يەردە تۇرۇۋاتقان چەت ئەللىكلەرنىڭ ھەممىسى كۆپ ۋاقتىنى يېڭى ئوي-پىكىرلەرنى ئاڭلاشقا ۋە ئالماشتۇرۇشقا سەرپ قىلىشاتتى.) شۇڭا، پاۋلۇس ئالدىغا چىقىپ مۇنداق دېدى: - ئەي ئافىنا خەلقى! سىلەرنىڭ كۈچلۈك ئېتىقادىي قىزغىنلىقىڭلارنىڭ بارلىقىنى بىلىمەن. چۈنكى، شەھەر ئىچىدە ھەممە يەرنى ئارىلاپ، سىلەرنىڭ ئىبادەت قىلىدىغان جايلىرىڭلارنى كۆزدىن كەچۈرگىنىمدە، قۇربانلىق سۇپىلىرىنىڭ بىرىنىڭ ئۈستىدە «مەلۇم بولمىغان خۇداغا» دەپ بېغىشلىما يېزىلغانلىقىنى كۆردۈم. مەن ھازىر دەل سىلەرگە مەلۇم بولمىغان، لېكىن سىلەر ئىبادەت قىلىۋاتقان مانا شۇ خۇدانى سىلەرگە تونۇشتۇراي. پۈتكۈل دۇنيانى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياراتقان خۇدا پۈتۈن ئالەمنىڭ ئىگىسىدۇر. ئۇ ئىنسانلارنىڭ قولى بىلەن بىنا قىلىنغان بۇتخانىلاردا تۇرمايدۇ. ئۇنىڭ ئىنسانلارغا ھېچقانداق ھاجىتى چۈشمەيدۇ. ئەكسىچە، ئىنسانلارغا ھاياتلىق، نەپەس، شۇنداقلا ئۇلار ئېھتىياجلىق بولغان ھەرقانداق نەرسىنى ئاتا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرىدۇ. ئۇ بىر ئادەمدىن پۈتكۈل مىللەتلەرنى ياراتتى، ئۇلارنى پۈتۈن يەر يۈزىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ گۈللىنىشى ۋە زاۋاللىققا يۈزلىنىشى ھەمدە تۇرىدىغان جايلىرىنى ئالدىن بەلگىلەپ بەردى. ئۇ: «ئىنسانلار مېنى ئىزدەپ تاپسۇن» دەپ، شۇنداق قىلدى. ئەمەلىيەتتە، ئۇ بىزلەردىن يىراق ئەمەس. بىز ئۇ ئارقىلىق ياشايمىز، ھەرىكەت قىلىمىز، مەۋجۇتمىز. ئاراڭلاردىكى بەزى شائىرلار يازغاندەك: «بىز خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى!» بىز خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولغاچقا، ئۇنى ھۈنەرۋەننىڭ ماھارىتى بىلەن ئويۇپ ياسالغان ئالتۇن-كۈمۈش ياكى تاش بۇتلارغا ئوخشاتماسلىقىمىز كېرەك! بۇرۇنقى زامانلاردا، خۇدا: «بۇتقا ئىشىنىدىغانلار ھازىرچە مېنىڭ يوللىرىمنى بىلمەيدۇ» دەپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى كۆرمەسكە سالدى. لېكىن بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى گۇناھلىرىغا توۋا قىلىپ، ئۇنىڭ يولىغا قايتىشقا بۇيرۇماقتا! چۈنكى، ئۇ ئۆزى تاللىغان ئادەم ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيانى ئادىللىق بىلەن سوراق قىلىدىغان قىيامەت كۈنىنى بەلگىلىدى. خۇدانىڭ ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەنلىكى بۇ ئىشنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. پاۋلۇسنىڭ ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشى ھەققىدە ئېيتقانلىرىنى ئاڭلىغان بەزى كىشىلەر ئۇنى مەسخىرە قىلىشقا باشلىدى. يەنە بەزىلەر: - بۇ ئىشنى يەنە بىر ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلىمىز، - دېدى. بۇنىڭ بىلەن، پاۋلۇس كېڭەشمە مەيدانىدىن قايتىپ چىقتى. بەزىلەر ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە كېڭەشمە ھەيئەتلىرىدىن دىيونىسىيۇس، دامارىس ئىسىملىك بىر ئايال ۋە باشقا بىرقانچە كىشىمۇ بار ئىدى. بۇ ئىشلاردىن كېيىن، پاۋلۇس ئافىنا شەھىرىدىن كورىنت شەھىرىگە باردى. پاۋلۇس ئۇ يەردە پونتۇس ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان ئاكۋىلا ئىسىملىك بىر يەھۇدىي بىلەن ئۇنىڭ ئايالى پرىسكىلانى ئۇچراتتى. ئۇلار رىملىق كلاۋدىيۇس پادىشاھنىڭ پۈتۈن يەھۇدىيلارنىڭ رىم شەھىرىدىن چىقىپ كېتىشى توغرىسىدىكى بۇيرۇقى سەۋەبلىك يېقىندا ئىتالىيىدىن كەلگەنىدى. پاۋلۇس ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ يېنىدا قېلىپ ئىشلىدى. چۈنكى، بۇرۇندىن چېدىر ياساش بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدىغان پاۋلۇس ئۇلار بىلەن كەسىپداش چىقىپ قالدى. يەھۇدىيلارنىڭ ھەربىر دەم ئېلىش كۈنىدە، پاۋلۇس ئىبادەتخانىغا بېرىپ، يەھۇدىيلار ۋە گرېكلار بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇلارنى ئۆز تەلىمىنىڭ راست ئىكەنلىكىگە قايىل قىلىشقا تىرىشاتتى. سىلاس بىلەن تىموتىي ماكېدونىيىدىن كەلگەندىن كېيىن، پاۋلۇس بارلىق ۋاقتىنى خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈشكە سەرپ قىلىپ، يەھۇدىيلارغا ھەزرىتى ئەيسانىڭ قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردى. لېكىن، ئۇلار ئۇنىڭغا قارشى چىقتى ۋە ئۇنى ھاقارەتلىدى. بۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس پېشىنى قېقىپ، ئۇلارغا: - ئەگەر سىلەر قۇتقۇزۇلمىساڭلار، مەن جاۋابكار ئەمەس، ئۆزۈڭلار جاۋابكار. بۈگۈندىن باشلاپ، مەن خۇش خەۋەرنى سىلەرگە ئەمەس، يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يەتكۈزىمەن، - دېدى. بۇنىڭ بىلەن، پاۋلۇس ئۇلاردىن ئايرىلىپ، تىتىيۇس يۇستۇس ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تۇردى. ئۇ يەھۇدىي بولمىسىمۇ، يەھۇدىي دىنىنى ياقلايدىغان ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆيى ئىبادەتخانىنىڭ يېنىدا ئىدى. ئىبادەتخانىنىڭ مەسئۇلى كرىسپۇس پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. يەنە نۇرغۇن يەھۇدىي ئەمەس كورىنتلىقلارمۇ پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشقا باشلىدى ۋە چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. بىر كېچە، پاۋلۇسقا بىر غايىبانە ئالامەت كۆرۈندى. بۇ ئالامەتتە رەببىمىز ئەيسا ئۇنىڭغا: - قورقما، سۈكۈت قىلماي سۆزلە. مەن سەن بىلەن بىللە. ساڭا ھېچكىم زىيانكەشلىك قىلالمايدۇ. چۈنكى، بۇ شەھەردە نۇرغۇن كىشىلىرىم بار! - دېدى. شۇنىڭ بىلەن، پاۋلۇس ئۇ يەردە بىر يېرىم يىل تۇرۇپ، ئۇ يەردىكى كىشىلەرگە خۇدانىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزدى. غاللىيو يۇنان ئۆلكىسىنىڭ ۋالىيسى بولغان ۋاقتىدا، يەھۇدىيلار بىرلىشىپ پاۋلۇسنى تۇتۇپ سوتقا ئاپىرىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن: - بۇ ئادەم كىشىلەرنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا خۇداغا ئىبادەت قىلىشقا قۇتراتتى! - دەپ شىكايەت قىلدى. پاۋلۇس سۆز باشلاي دەپ تۇرۇشىغا، ۋالىي غاللىيو ئۇلارغا: - ئەي يەھۇدىيلار! ئەگەر سىلەرنىڭ شىكايىتىڭلار بىر ناھەقلىق ياكى بىرەر ئېغىر جىنايەت توغرىسىدا بولسىدى، ئەلۋەتتە سەۋرچانلىق بىلەن سىلەرگە قۇلاق سېلىشىمغا توغرا كېلەتتى. بىراق، تالاش-تارتىشىڭلار دىنىي قانۇنۇڭلاردىكى بەزى ئىسىملار ۋە سۆزلەر توغرىسىدا ئىكەن، ئۇنى ئۆزۈڭلار ھەل قىلىڭلار. مەن بۇنداق كىچىك ئىشلارنى سوراق قىلمايمەن! - دېدى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار سوتتىن ھەيدەپ چىقىرىلدى. خالايىق يەھۇدىي ئىبادەتخانىسىنىڭ مەسئۇلى سوستېنىسنى تارتىپ چىقىپ، سوراقخانىنىڭ ئالدىدا قاتتىق ئۇردى. بىراق، ۋالىي غاللىيو بۇ ئىشقا قىلچە پىسەنت قىلمىدى. پاۋلۇس كورىنت شەھىرىدە ئېتىقادچىلار بىلەن يەنە بىر مەزگىل تۇردى. كېيىن، ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ، پرىسكىلا ۋە ئاكۋىلالار بىلەن كېمىگە ئولتۇرۇپ، سۇرىيە ئۆلكىسىگە كەتتى. يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى، ئۇ دېڭىز بويىدىكى كېنھېرىيە شەھىرىدە چاچلىرىنى كەستۈرۈۋەتتى. چۈنكى، ئۇ خۇداغا بىر قەسەم قىلغانىدى. ئۇلار ئەفەس شەھىرىگە بارغاندىن كېيىن، پاۋلۇس پرىسكىلا ۋە ئاكۋىلا بىلەنمۇ خوشلاشتى. ئۇ كېتىشتىن بۇرۇن ئىبادەتخانىغا بېرىپ، يەھۇدىيلار بىلەن ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدە سۆھبەتلەشتى. ئۇلار ئۇنى بىرنەچچە كۈن ئۇزۇنراق تۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى، لېكىن پاۋلۇس قوشۇلمىدى. پاۋلۇس ئۇ يەردىن ئايرىلىش ۋاقتىدا، ئۇلارغا: - خۇدا بۇيرۇسا، سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا يەنە كېلىمەن، - دېدى، ئاندىن ئەفەستىن كېمە بىلەن يولغا چىقتى. پاۋلۇس قەيسەرىيە شەھىرىدە كېمىدىن چۈشۈپ، يېرۇسالېمغا باردى. ئۇ يەردىكى ئېتىقادچىلار بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئانتاكيا شەھىرىگە كەتتى. ئۇ ئانتاكيادا ئېتىقادچىلار بىلەن خېلى كۆپ ۋاقىت تۇرۇپ، يەنە يولغا چىقتى ۋە گالاتىيا ۋە فرىگىيە رايونلىرىنى ئارىلاپ، بارغانلا يېرىدە ئېتىقادچىلارنىڭ ئېتىقادىنى كۈچەيتتى. بۇ ئارىدا، ئىسكەندەرىيە شەھىرىدە تۇغۇلغان ئاپوللوس ئىسىملىك بىر يەھۇدىي ئەفەس شەھىرىگە كەلدى. ئۇنىڭ سۆز قابىلىيىتى ئۈستۈن بولۇپ، مۇقەددەس يازمىلاردىن خېلى ساۋاتى بار ئىدى. رەببىمىزنىڭ يولى توغرۇلۇق مەلۇم دەرىجىدە تەلىم ئالغان ئاپوللوس رەببىمىز ئەيسا ھەققىدە قىزغىن سۆزلەپ تەلىم بېرەتتى. ئۇنىڭ تەلىمى توغرا بولسىمۇ تولۇق ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئۇ چۆمۈلدۈرۈلۈش توغرۇلۇق يەھيا پەيغەمبەرنىڭ سۇغا چۆمۈلدۈرۈشىدىنلا بىلەتتى. ئاپوللوس ئىبادەتخانىدا يۈرەكلىك سۆزلەشكە باشلىدى. ئاڭلاۋاتقانلاردىن پرىسكىلا بىلەن ئاكۋىلا ئۇنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭغا خۇدانىڭ يولىنى تېخىمۇ تولۇق چۈشەندۈردى. كېيىن ئاپوللوس يۇنان ئۆلكىسىگە بارماقچى بولغاندا، ئەفەسلىك ئېتىقادچىلار ئۇنىڭغا ياردەمدە بولۇپ، يۇناندىكى ئېتىقادچىلارغا خەت يېزىپ، ئۇلاردىن ئاپوللوسنى كۈتۈۋېلىشنى سورىدى. ئاپوللوس يۇنانغا بېرىپ، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغانلارغا چوڭ ياردەمدە بولدى. ئۇ جامائەت ئالدىدا يەھۇدىيلار بىلەن مۇنازىرىلىشىپ، ئۇلارغا كۈچلۈك رەددىيە بەردى ھەمدە مۇقەددەس يازمىلارنى ئاساس قىلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ بەردى. ئاپوللوس كورىنت شەھىرىدىكى ۋاقتىدا، پاۋلۇس سەپەر قىلىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق ئارقىلىق ئەفەس شەھىرىگە كەلدى. ئۇ يەردە مەرھۇم يەھيا پەيغەمبەرنىڭ بەزى شاگىرتلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلاردىن: - سىلەر خۇدانىڭ يولىغا مېڭىشقا باشلىغاندا، ئۇنىڭ مۇقەددەس روھى سىلەرگە ئاتا قىلىنغانمۇ؟ - دەپ سورىدى. - ياق، بىز مۇقەددەس روھ بار دېگەننى زادى ئاڭلىماپتىكەنمىز، - دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. پاۋلۇس يەنە: - ئۇنداقتا، سىلەر چۆمۈلدۈرۈلگەندە، ئۇنىڭ مەنىسىنى نېمە دەپ چۈشەندىڭلار؟ - دەپ سورىدى. - بىزنىڭ چۈشەنچىمىز يەھيا پەيغەمبەر بەرگەن تەلىمگە ئاساس قىلىنغان، - دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. - شۇ چاغدا، يەھيا پەيغەمبەر كىشىلەرگە چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ گۇناھىغا توۋا قىلىپ، خۇداغا يۈزلىنىش نىيىتىنى ئىپادىلىشى كېرەكلىكىنى ھەم ئۆزىدىن كېيىن كەلگۈچىگە، يەنى ھەزرىتى ئەيساغا ئىشىنىشى كېرەكلىكىنى تاپىلىغان، - دېدى پاۋلۇس. ئۇلار بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلىپ، ئۇنىڭ نامى بىلەن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. پاۋلۇس قولىنى ئۇلارغا تەگكۈزۈپ تۇرۇپ دۇئا قىلىۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا مۇقەددەس روھ چۈشتى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۆزلىرىگە نامەلۇم بولغان تىللاردا خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشتى ھەم خۇدادىن كەلگەن ۋەھىيلەرنى يەتكۈزۈشكە باشلىدى. ئۇلار تەخمىنەن ئون ئىككى كىشى ئىدى. ئۈچ ئاي داۋامىدا، پاۋلۇس ئەفەس شەھىرىدىكى يەھۇدىيلار ئىبادەتخانىسىغا كىرىپ، ئۇلار بىلەن يۈرەكلىك سۆزلىشىپ، ئۇلارنى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرىسىدىكى تەلىمگە قايىل قىلىشقا تىرىشتى. لېكىن، بەزىلىرى جاھىللىق قىلىپ ئىشەنمەي، جامائەت ئالدىدا رەببىمىز ئەيسا يولىغا ھاقارەت كەلتۈردى. شۇڭا، پاۋلۇس ئېتىقادچىلارنى ئېلىپ ئۇلاردىن ئايرىلدى ۋە ھەر كۈنى تىراننۇس ئىسىملىك ئادەمنىڭ مەكتىپىدە سۆھبەتلىشىشنى داۋاملاشتۇردى. بۇ خىزمەت ئىككى يىل داۋاملاشتى. نەتىجىدە، ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى پۈتۈن خەلق، يەھۇدىيلار ياكى يەھۇدىي ئەمەسلەر بولسۇن، ھەممەيلەن رەببىمىز ئەيسا ھەققىدىكى سۆزلەردىن خەۋەردار بولدى. خۇدا پاۋلۇس ئارقىلىق ئاجايىپ مۆجىزىلەرنى ياراتتى. بەزىلەر ھەتتا قول ياغلىق ۋە لۆڭگىلىرىنى پاۋلۇسنىڭ تېنىغا تەگكۈزۈپ، ئاندىن كېسەللەرنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ، ئۇلارنىڭ ئۇچىسىغا يېپىپ قوياتتى. نەتىجىدە، كېسەللەر ساقىيىپ، جىنلار ئۇلارنىڭ تېنىدىن چىقىپ كېتەتتى. شۇ ئەتراپتا ئايەت ئوقۇپ جىن قوغلاشنى كەسىپ قىلىۋالغان بەزى يەھۇدىيلارمۇ بار ئىدى. ئۇلار رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ نامىنى ئىشلىتىپ، جىنلارنى ھەيدىۋەتمەكچى بولۇشاتتى. ئۇلار جىنلارغا: «پاۋلۇس ئېيتقان ئەيسانىڭ نامىدىن بۇيرۇيمەنكى، چىقىپ كېتىڭلار!» دەيدىغان بولدى. بۇ ئىشنى قىلغانلارنىڭ ئارىسىدا سكېۋا ئىسىملىك بىر يەھۇدىي ئالىي روھانىينىڭ يەتتە ئوغلىمۇ بار ئىدى. بىر كۈنى ئۇلار جىن چاپلىشىۋالغان بىر كىشىنىڭ تېنىدىكى جىننى قوغلىماقچى بولغاندا، جىن چىقىشقا ئۇنىماي، ئۇلاردىن: - مەن ئەيسانى تونۇيمەن، پاۋلۇسنىڭ كىم ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىمەن، بىراق ئۆزۈڭلارچۇ؟ ئۆزۈڭلار كىم بولىسىلەر؟ - دەپ سورىدى. شۇنىڭ بىلەن، جىن چاپلىشىۋالغان كىشى شىددەتلىك ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، جىن قوغلىغۇچىلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى. ئۇلار يارىلىنىپ، كىيىملىرى يىرتىلىپ، يالىڭاچ ھالدا ئۆيدىن قېچىپ چىقىپ كەتتى. ئەفەس شەھىرىدە ياشايدىغان پۈتۈن يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ بۇ ئىشنى ئاڭلاپ، ناھايىتى قورقۇشتى. شۇنىڭدىن كېيىن، رەببىمىز ئەيسانىڭ نامى بۇ يەردىمۇ كۆپ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى. نەتىجىدە، نۇرغۇن ئېتىقادچىلار بۇرۇن قىلغان يامانلىقلىرىنى ئوچۇق ئېتىراپ قىلىشقا باشلىدى. سېھىرگەرلىك قىلغان بىرمۇنچە ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ سېھىرگەرلىك توغرىسىدىكى كىتابلىرىنى ئەكېلىپ بىر يەرگە دۆۋىلەپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا كۆيدۈرۈشتى. بۇ كىتابلارنىڭ قىممىتى جەمئىي ئەللىك مىڭ كۈمۈش تەڭگىگە يېتەتتى. شۇنداق قىلىپ، رەببىمىزنىڭ تەلىمى ئومۇميۈزلۈك تارقىلىپ، زور تەسىر پەيدا قىلدى. بۇ ئىشلاردىن كېيىن، پاۋلۇس ماكېدونىيە ۋە يۇنان ئۆلكىسى ئارقىلىق يېرۇسالېمغا قايتىش قارارىغا كەلدى. ئۇ: - ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن، رىم شەھىرىگە بېرىشىم كېرەك، - دېدى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇ ياردەمچىلىرىدىن تىموتىي بىلەن ئېراست ئىككىيلەننى ئۆزىنىڭ بېرىشىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە ئەۋەتىۋېتىپ، ئۆزى يەنە بىر مەزگىل ئاسىيا ئۆلكىسىدە قالدى. دەل شۇ چاغدا، ئەفەس شەھىرىدە رەببىمىز ئەيسا يولىغا قارشى ئېغىر قالايمىقانچىلىق يۈز بەردى. ئايال ئىلاھ ئارتېمىسنىڭ شەرىپىگە ياسالغان بۇتخانىنىڭ كۈمۈش ھەيكەللىرىنى ياسىغان دىمىترىي ئىسىملىك بىر زەرگەر بار ئىدى. ئۇنىڭ ھۈنەرۋەنلىرى بۇ ھۈنەر بىلەن كۆپ پايدا ئالغانىدى. دىمىترىي ھۈنەرۋەنلىرى ۋە ئۆز خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇستىلارنى يىغىپ، ئۇلارغا: - قېرىنداشلار، بىزنىڭ راۋاج تېپىشىمىزنىڭ ھۈنىرىمىزگە باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر. ھازىر ھېلىقى پاۋلۇس دېگەن ئەبلەخنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەنلىكىنى ئاڭلىغان ھەم كۆرگەن بولۇشۇڭلار كېرەك. ئۇ، «قول بىلەن ياسىۋالغان بۇتلىرىڭلار خۇدا ئەمەس» دېيىش بىلەن، ئەفەس ۋە پۈتۈن ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، تۇيۇق يولغا باشلاۋاتىدۇ. بۇنداق بولغاندا، بىزنىڭ بۇ كەسپىمىزنىڭ نامىغا داغ چۈشۈش خەۋپى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئۇلۇغ ئايال خۇدايىمىز ئارتېمىسنىڭ بۇتخانىسىمۇ قەدىرلەنمەي، ھەتتا ئاسىيا ئۆلكىسى ۋە پۈتۈن يەر يۈزىدىكىلەر ئىبادەت قىلىپ كەلگەن ئايال خۇدايىمىزنىڭ شان-شەرىپىنىڭ يوقىلىش خەۋپىمۇ بولىدۇ! - دېدى. بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان كۆپچىلىكنىڭ غەزىپى ئۆرلەپ، قايتا-قايتا: - بىز ئەفەسلىكلەرنىڭ ئايال خۇداسى ئارتېمىس ئۇلۇغدۇر! - دەپ چۇقان سېلىشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن، پۈتۈن شەھەر ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتتى. توپىلاڭچىلار پاۋلۇسنىڭ سەپەرداشلىرىدىن ماكېدونىيىلىك گايۇس ۋە ئارىستارخۇسلارنى تۇتۇۋېلىپ، ئالدىغا سېلىپ، ئۈستى ئوچۇق تىياتىرخانىغا ئېلىپ باردى. پاۋلۇس توپىلاڭچىلار ئارىسىغا كىرىپ سۆزلىمەكچى بولۇۋىدى، لېكىن ئېتىقادچىلار ئۇنى كىرىشتىن توسىدى. ھەتتا پاۋلۇسنىڭ دوستلىرى بولغان بەزى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارمۇ پاۋلۇسقا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى تىياتىرخانىغا بېرىش خەۋپىگە تەۋەككۈل قىلماسلىققا ئۈندىدى. بۇ چاغدا، پۈتۈن تىياتىرخانىنىڭ ئىچى ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولغان بولۇپ، بىرى بىرنېمە دەپ ۋارقىرىسا، يەنە بىرى يەنە بىرنېمە دەپ ۋارقىرايتتى. كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ نېمىگە يىغىلغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتى. يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنىڭ پاۋلۇسنىڭ تەرەپدارلىرى ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئىسكەندەر ئىسىملىك ئادەمنى ئۆزلىرىنى ئاقلاش مەقسىتىدە ئالدىغا چىقاردى. ئىسكەندەر كۆپچىلىككە قول ئىشارىتى قىلىپ، يەھۇدىيلارنى ئاقلاشقا باشلىدى. بىراق، كۆپچىلىك ئۇنىڭ يەھۇدىي ئىكەنلىكىنى بىلگەندە، بۇ ئىشتا ئۇنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بار ئوخشايدۇ، دەپ قالدى. شۇڭا، كۆپچىلىك تەڭلا: - خۇدايىمىز ئارتېمىس ئۇلۇغدۇر! - دەپ ئىككى سائەتچە چۇقان سېلىشتى. ئاخىردا، شەھەرنىڭ يەرلىك ئەمەلدارى خالايىقنى تىنچلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: - ئەي ئەفەس خەلقى! بىز ئەفەسلىكلەرنىڭ ئۇلۇغ ئارتېمىس بۇتخانىسىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئاسماندىن چۈشكەن مۇقەددەس تېشىنىڭ قوغدىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان كىشى بارمۇ؟! بۇ ئىشلارنى ھېچكىم يوققا چىقىرىۋېتەلمەيدۇ. شۇڭا، سىلەر ئۆزۈڭلارنى بېسىۋېلىشىڭلار، ئويلىماي بىرەر كۆڭۈلسىز ئىش چىقىرىپ قويماسلىقىڭلار كېرەك. سىلەر بۇ كىشىلەرنى بۇ يەرگە سوراق قىلىشقا ئېلىپ كەلدىڭلار. لېكىن، ئۇلار يا بۇتخانىنىڭ بىرەر نەرسىسىنى ئوغرىلاپ كەتكىنى، يا بىزنىڭ ئايال خۇدايىمىزغا كۇپۇرلۇق قىلغىنى يوق. ئەگەر دىمىترىي ۋە ئۇنىڭ كەسىپداشلىرىنىڭ ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ ئۈستىدىن شىكايىتى بولسا، سوراقخانىلار ئوچۇق. سوراقچىلارمۇ بار. شىكايىتىنى شۇ يەرگە بېرىپ قىلسۇن. باشقا مەسىلىلىرىڭلار بولسىمۇ، قانۇنىي سورۇنلارغا بېرىپ، بىر تەرەپ قىلىشىڭلار لازىم. رىملىقلار بۈگۈنكى ۋەقەنى توپىلاڭ دەپ، بىزگە جازا بېرىشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. بۇ قالايمىقانچىلىقنىڭ ھېچ سەۋەبى بولمىغانىكەن، ھېسابىنىمۇ بېرەلمەيمىز-دە! بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، ئۇ خەلقنى تارقىتىۋەتتى. توپىلاڭ بېسىققاندىن كېيىن، پاۋلۇس ئېتىقادچىلارنى چاقىرىپ، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈردى ۋە ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ، ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە كەتتى. ئۇ شۇ ئەتراپتىكى جايلارنى ئارىلاپ، ئېتىقادچىلارنى رىغبەتلەندۈرىدىغان نۇرغۇن سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، يۇنانغا بېرىپ، ئۇ يەردە ئۈچ ئاي تۇردى. پاۋلۇس كېمىگە ئولتۇرۇپ سۇرىيە ئۆلكىسىگە قايتماقچى بولۇپ تۇرغاندا، يەھۇدىيلارنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستىدە ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىن ئۆتۈپ، قۇرۇقلۇق بىلەن قايتىپ كېتىش قارارىغا كەلدى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلار، بېرىيالىق پىرۇس ئوغلى سوپاتېر، سالونىكالىقلاردىن ئارىستارخۇس بىلەن سېكۇندۇس، دەربەلىك گايۇس، تىموتىي ۋە ئاسىيا ئۆلكىسىدىن تىكىكۇس بىلەن تروفىملار ئىدى. ئۇلار باشتا تروئاس شەھىرىگە كېمە بىلەن بېرىپ، بىزنىڭ يېتىپ بېرىشىمىزنى كۈتۈپ تۇردى. پېتىر نان ھېيتىدىن كېيىن، بىز فىلىپى شەھىرىدىن كېمىگە ئولتۇرۇپ، بەش كۈندىن كېيىن تروئاسقا كېلىپ، ئۇلار بىلەن ئۇچراشتۇق ۋە ئۇ يەردە بىر ھەپتە تۇردۇق. يەكشەنبە كۈنى، بىز ناننى بۆلۈشۈپ، ھەزرىتى ئەيسانى خاتىرىلەش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولدۇق. پاۋلۇس ئەتىسى كەتمەكچى بولغاچقا، كۆپچىلىككە تۈن يېرىمگىچە تەلىم بەردى. بىز جەم بولغان يۇقىرىقى قەۋەتتىكى ھۇجرىدا نۇرغۇن ماي چىراغلار يېنىپ تۇراتتى. ئەفتىكۇس ئىسىملىك بىر يىگىت دېرىزىدە ئولتۇرغانىدى. پاۋلۇسنىڭ سۆزى داۋاملاشقانسېرى ماي چىراغنىڭ ئىسى ھۇجرىنى قاپلاپ، ھېلىقى يىگىتنى مۈگدەك باستى. كېيىن، ئۇ قاتتىق ئۇيقۇغا كېتىپ، ئۈچىنچى قەۋەتتىن يەرگە يىقىلىپ چۈشتى. كۆپچىلىك ئۇنى يەردىن كۆتۈرۈپ قارىسا، ئۇ ئۆلۈپ بوپتىكەن. پاۋلۇس پەسكە چۈشۈپ، ئۆزىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېتىپ، قۇچاقلاپ تۇرۇپ: - ھودۇقماڭلار، ئۇ تىرىك! - دېدى. كېيىن، ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ، ھەزرىتى ئەيسانى خاتىرىلەش ئۈچۈن ناننى بۆلۈشۈپ يەپ، ئىبادەت قىلدۇق. پاۋلۇس تاڭ ئاتقۇچە سۆزىنى داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن، بىز بۇ يەردىن يولغا چىقتۇق. تروئاستىكى ئېتىقادچىلار بولسا ھېلىقى يىگىتنى ئۆيىگە ھايات ئاپىرىپ قويدى. كۆپچىلىك بۇ ۋەقەدىن چوڭقۇر تەسەللى تاپتى. پاۋلۇس تروئاس شەھىرىدىن ئاسوس شەھىرىگە پىيادە بارماقچى بولدى. شۇڭا، ئۇ بىزنىڭ كېمە بىلەن ئالدىن يۈرۈپ، ئۇ شەھەرگە ئۇنىڭدىن بۇرۇن يېتىپ بېرىپ، ئۇ يەردە بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشىمىزنى ئورۇنلاشتۇرغانىدى. كېيىن، ئاسوستا ئۇچراشتۇق ۋە كېمىگە چۈشۈپ، مىدىللى شەھىرىگە كەلدۇق. ئاندىن، يەنە يولغا چىقىپ، ئەتىسى خىيوس ئارىلىنىڭ يېنىغا كەلدۇق. ئۈچىنچى كۈنى، ئەفەستىن ئۆتۈپ، ساموس ئارىلىغا كەلدۇق ۋە ئۇنىڭ ئەتىسى كېمە بىلەن مىلېت شەھىرىگە باردۇق. ئاسىيا ئۆلكىسىدە كۆپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك ئۈچۈن، پاۋلۇس ئەفەستە توختىماسلىقنى قارار قىلغانىدى. ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئورما ھېيتىنى مۇمكىنقەدەر يېرۇسالېمدا ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئالدىرايتتى. پاۋلۇس مىلېت شەھىرىدىن ئەفەسكە ئادەم ئەۋەتىپ، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى يېتەكچىلىرىنى چاقىردى. ئۇلار كەلگەندىن كېيىن، پاۋلۇس ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - مەن ئاسىيا ئۆلكىسىگە ئاياغ باسقان بىرىنچى كۈندىن تارتىپ، سىلەر بىلەن قانداق ئۆتكەنلىكىم ھەربىرىڭلارغا مەلۇم. يەھۇدىيلارنىڭ سۇيىقەستلىرى تۈپەيلىدىن تارتقان ئازابلار ئىچىدە، كۆزۈمدىن ياش ئۈزۈلمىگەن ھالدا كەمتەرلىك بىلەن رەببىمىز ئەيسانىڭ خىزمىتىدە بولدۇم. مەيلى ئاممىۋى سورۇنلاردا بولسۇن ياكى ئۆيلىرىڭلاردا بولسۇن، سىلەرگە تەلىم بەرگەن ۋاقىتلىرىمدا، سىلەرگە پايدىلىق بولغانلا نەرسىلەرنى ئېيتماي قويمىدىم. يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەرنى توۋا قىلىپ، خۇداغا يۈزلىنىشكە ۋە رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشقا ئۈندىدىم. ھازىر مۇقەددەس روھنىڭ ئەمرىگە ئاساسەن يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمەن. ئۇ يەردە قانداق ئىشلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىمنى ئۇقمايمەن. پەقەت شۇنى بىلىمەنكى، مۇقەددەس روھ مەن بارىدىغانلا شەھەرلەردە مېنى زىندان ۋە ئازابلارنىڭ كۈتۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتىپ كەلمەكتە. لېكىن، مەن ئۆز مۇساپەمنى تاماملىشىم، رەببىمىز ئەيسانىڭ تاپشۇرغان خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىشىم، يەنى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇشۇم ئۈچۈن، ئۆز ھاياتىمنى قىلچە ئايىماي، يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمەن. مەن سىلەر بىلەن ئارىلىشىپ، ھەربىرىڭلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدە چۈشەندۈردۈم. ئەمدى ماڭا مەلۇمكى، بۇنىڭدىن كېيىن سىلەر مېنى قايتا كۆرەلمەيسىلەر. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۈگۈن سىلەرگە شۇنى جىددىي ئېيتىپ قويايكى، ئاراڭلاردا ھەرقانداق بىر كىشى قۇتقۇزۇلمىسا، مەن جاۋابكار ئەمەسمەن. چۈنكى، مەن خۇدانىڭ ئىرادىسىنى قىلچە ئېلىپ قالماي سىلەرگە تولۇق يەتكۈزدۈم. ئۆزۈڭلارغا پەخەس بولۇڭلار، مۇقەددەس روھ سىلەرنىڭ باشلامچىلىق قىلىشىڭلارغا تاپشۇرغان بارلىق قېرىندىشىڭلارغىمۇ پەخەس بولۇڭلار! پادىچى قويلىرىنى باققاندەك، سىلەرمۇ خۇدانىڭ جامائەتچىلىكىنى بېقىڭلار، چۈنكى خۇدا ئۇلارنى ئۆز ئوغلىنىڭ قېنىغا سېتىۋالغان! ماڭا ئايانكى، مەن كەتكەندىن كېيىن، چىلبۆرىلەر پادىنى قالايمىقانلاشتۇرغانغا ئوخشاش، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىنمۇ بەزىلەر ئېتىقادچىلارنى ئۆزلىرىگە ئەگەشتۈرۈش ئۈچۈن، خاتا تەلىم تارقىتىدۇ. شۇڭا، ھوشيار بولۇڭلار. مېنىڭ ئۈچ يىل كېچە-كۈندۈز دېمەي، سىلەرگە ياش ئاققۇزۇپ نەسىھەت بەرگەنلىكىمنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. ئەمدى مەن سىلەرنى خۇداغا ۋە ئۇنىڭ مېھىر-شەپقەتلىك سۆزلىرىگە تاپشۇردۇم. بۇ سۆزلەر ئارقىلىق خۇدا ئېتىقادىڭلارنى كۈچەيتىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ مۇقەددەس خەلقىگە ئاتىغان مىراستىن سىلەرنى بەھرىمەن قىلىدۇ. سىلەرگە مەلۇمكى، مەن ھېچقاچان ھەرقانداق كىشىنىڭ كىيىملىرىگە ياكى ئالتۇن-كۈمۈشىگە كۆز قىرىمنىمۇ سالمىدىم. مەن ئىككى بىلىكىمگە تايىنىپ، ئۆزۈمنىڭ ۋە ھەمراھلىرىمنىڭ ھاجىتىدىن چىقتىم. ھەرقانداق ئىشتا سىلەرگە مۇشۇنداق ئەجىر ئارقىلىق ھاجەتمەنلەرگە ياردەم بېرىش لازىملىقىنى كۆرسەتتىم. شۇنداق قىلساڭلار، رەببىمىز ئەيسا ئۆزى ئېيتقان: «بەرمەك ئالماقتىنمۇ زور بەخت» دېگىنىنى ئېسىڭلاردىن چىقارمايسىلەر! پاۋلۇس بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ھەممەيلەن بىلەن بىرلىكتە تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ دۇئا قىلدى. كۆپچىلىك كۆز يېشى قىلىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ، سۆيۈشۈپ خوشلاشتى. ئۇلارنى ئەڭ مەيۈسلەندۈرگىنى پاۋلۇسنىڭ، «بۇنىڭدىن كېيىن مېنى قايتا كۆرەلمەيسىلەر» دېگەن سۆزى بولدى. كېيىن، ئۇلار ئۇنى كېمىگە چىقىرىپ ئۇزىتىپ قويدى. بىز ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ، كېمە بىلەن ئۇدۇل قوس ئارىلىغا قاراپ يول ئالدۇق. ئەتىسى، رودوس ئارىلىغا، ئۇ يەردىن پاتارايا شەھىرىگە باردۇق. پاتارايادا فەنىكىيە رايونىغا بارىدىغان بىر كېمىنى تېپىپ، ئۇنىڭغا ئولتۇرۇپ يولغا چىقتۇق. سىپرۇس ئارىلى كۆرۈنگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ جەنۇبىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، سۇرىيە ئۆلكىسىگە قاراپ مېڭىپ، تىر شەھىرىدە قۇرۇقلۇققا چىقتۇق. چۈنكى، كېمە بۇ يەردە يۈكىنى چۈشۈرەتتى. بۇ يەردىكى ئېتىقادچىلاردىن بەزىلىرىنى تېپىپ، ئۇلارنىڭ يېنىدا يەتتە كۈن تۇردۇق. مۇقەددەس روھ ئۇلارغا پاۋلۇسنىڭ يېرۇسالېمدا تارتىدىغان ئازابلىرىدىن خەۋەر بەرگەنىدى، شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭغا يېرۇسالېمغا بارما، دەپ نەسىھەت قىلدى. بىراق، بىز ئۇ يەردە بىر ھەپتە تۇرغاندىن كېيىن، سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق. ئېتىقادچىلار ۋە ئۇلارنىڭ خوتۇن-بالىلىرىنىڭ ھەممىسى بىزنى شەھەرنىڭ سىرتىغا ئۇزىتىپ چىقتى. ھەممەيلەن دېڭىز بويىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ بىللە دۇئا قىلدۇق. خوشلاشقاندىن كېيىن، بىز كېمىگە چىقتۇق، ئۇلار ئۆيلىرىگە قايتىشتى. تىر شەھىرىدىن دېڭىز سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ، پىتولىماي شەھىرىگە كەلدۇق. ئۇ يەردىكى ئېتىقادچىلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ يېنىدا بىر كۈن تۇردۇق. ئەتىسى، ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، كېمە بىلەن قەيسەرىيە شەھىرىگە كېلىپ، خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى فىلىپنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قوندۇق. ئۇ بۇرۇن يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلار تەرىپىدىن خىزمەتكە تاللانغان يەتتە كىشىنىڭ بىرى ئىدى. بۇ كىشىنىڭ خۇدانىڭ ۋەھىيلىرىنى يەتكۈزەلەيدىغان، تېخى تالالىق بولمىغان تۆت قىزى بار ئىدى. بىز ئۇ يەردە بىرنەچچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن، يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن ئاگابۇس ئىسىملىك بىر پەيغەمبەر كەلدى. بۇ كىشى بىزنىڭ ئالدىمىزغا كېلىپ، پاۋلۇسنىڭ بەلۋېغىنى قولىغا ئېلىپ، ئۆزىنىڭ پۇت-قولىنى باغلاپ: - مۇقەددەس روھ دېدىكى، بۇ بەلۋاغنىڭ ئىگىسى يېرۇسالېمدا يەھۇدىيلار تەرىپىدىن مۇشۇنداق باغلىنىپ، رىملىقلارنىڭ سوراق قىلىنىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ! - دېدى. بىز بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شۇ يەرلىك كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە پاۋلۇسنى يېرۇسالېمغا بارماسلىققا ئۈندىدۇق. لېكىن، پاۋلۇس: - سىلەر نېمىشقا بۇنچىۋالا قايغۇرۇپ، يۈرىكىمنى ئېزىسىلەر؟ مەن يېرۇسالېمدا رەببىمىز ئەيسا ئۈچۈن تۇتقۇن بولۇشقىلا ئەمەس، ئۇ يەردە ئۆلۈشكىمۇ تەييارمەن، - دەپ جاۋاب بەردى. بىز ئۇنى قايىل قىلالماي، بولدى قىلدۇق ۋە: - خۇدانىڭ خالىغىنىدەك بولسۇن! - دېدۇق. ئۇ يەردە بىرنەچچە كۈن تۇرۇپ، يۈك-تاقىمىزنى يىغىشتۇرۇپ، يېرۇسالېمغا باردۇق. قەيسەرىيىلىك ئېتىقادچىلاردىن بىرنەچچىسى بىز بىلەن ھەمسەپەر بولۇپ، يېرۇسالېمدا بىزنى مىناسون ئىسىملىك بىر سىپرۇسلۇقنىڭ ئۆيىگە باشلاپ باردى. بۇ كىشى كونا ئېتىقادچىلاردىن ئىدى. يېرۇسالېمدا ئېتىقادچىلار بىزنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئەتىسى، بىز پاۋلۇس بىلەن بىللە ياقۇپنى كۆرگىلى باردۇق. ياقۇپ بىلەن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدىكى باشقا يېتەكچىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇ يەرگە يىغىلغانىدى. پاۋلۇس ئۇلار بىلەن ئامانلاشقاندىن كېيىن، خۇدانىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەر ئىچىدە ئۆزى ئارقىلىق قىلغان پۈتۈن ئىشلىرىنى ئۇلارغا تەپسىلىي مەلۇم قىلدى. بۇلارنى ئاڭلىغان كۆپچىلىك خۇداغا مەدھىيە ئوقۇپ، پاۋلۇسقا: - ئەي قېرىنداش، يېرۇسالېمدا ئەھۋال مۇنداق: يەھۇدىيلار ئىچىدە نەچچە مىڭلىغان كىشى ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تەۋرات قانۇنىغا قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاڭلىشىچە، سىز يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىدا ياشىغان پۈتۈن يەھۇدىيلارغا بالىلىرىنى خەتنە قىلدۇرماسلىقىنى، يەھۇدىيلارنىڭ باشقا ئەنئەنىلىرىگە رىئايە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئۆگىتىپ، تەۋراتنى چۆرۈۋېتىپسىز! شۇڭا، بۇ يەردىكى يەھۇدىيلار سىزنىڭ بۇ يەرگە كەلگەنلىكىڭىزنى ئاڭلىسا، سىزگە چوقۇم زىيانكەشلىك قىلماي قالمايدۇ! ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ بىزنىڭچە مۇنداق قىلسىڭىز: ئارىمىزدا خۇدانى رازى قىلىش ئۈچۈن قەسەم بەرگەن تۆت ئادەم بار. سىز ئۇلارنى ئېلىپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە تەۋراتتىكى تازىلىنىش دىنىي قائىدىسىدىن ئۆتۈڭ، ئۇلارنىڭ قۇربانلىق چىقىملىرىنى ئۆزىڭىز كۆتۈرۈڭ. قۇربانلىق قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار قەسەملىرىنىڭ ئادا بولغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن چاچلىرىنى چۈشۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، خالايىق سىز توغرۇلۇق ئاڭلىغانلىرىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى چۈشىنىدۇ ھەمدە ئۆزىڭىزنىڭمۇ تەۋراتقا رىئايە قىلىدىغانلىقىڭىزنى كۆرىدۇ. يەھۇدىي ئەمەس ئېتىقادچىلارغا كەلسەك، ئۇلار يەھۇدىيلارنىڭ ئەنئەنىلىرىگە رىئايە قىلمىسىمۇ بولىدۇ. پەقەتلا ئۆتكەنكى خېتىمىزدە تاپىلىغىنىمىزدەك، بۇتقا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىنغان يېمەكلىكلەرنى يېمىسۇن، قاننى ۋە بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋاننىڭ گۆشىنىمۇ يېمىسۇن، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلمىسۇن، - دېيىشتى. بۇنىڭ بىلەن، پاۋلۇس ئۇ تۆت كىشىنى ئېلىپ، ئەتىسى ئۇلار بىلەن بىللە تازىلىنىش دىنىي قائىدىسىنى ئۆتكۈزۈشكە باردى. ئۇ مەركىزىي ئىبادەتخانىغا كىرىپ، روھانىيلارغا ئۆزلىرىنىڭ پاكلىنىش مۇددىتىنىڭ توشۇپ، ھەرقايسىسى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنىدىغان كۈننى مەلۇم قىلىپ قويدى. يەتتە كۈنلۈك مۇددەت توشۇشقا ئاز قالغاندا، ئاسىيا ئۆلكىسىدىن كەلگەن بەزى يەھۇدىيلار پاۋلۇسنى مەركىزىي ئىبادەتخانىدا كۆرۈپ، جامائەتنى قۇترىتىپ، ئۇنىڭغا قول سېلىپ: - ئەي ئىسرائىللار، ياردەمدە بولۇڭلار! بۇ ئادەم ھەممە يەردە خەلقىمىزگە، تەۋرات قانۇنىمىزغا ۋە مەركىزىي ئىبادەتخانىمىزغا قارشى سۆزلەرنى تارقىتىۋاتىدۇ. ئەمدىلىكتە، ئۇ يەھۇدىي ئەمەسلەرنى مەركىزىي ئىبادەتخانىمىزغا باشلاپ كىرىپ، بۇ مۇقەددەس جاينى بۇلغىماقتا! - دەپ چۇقان كۆتۈردى. (ئۇلارنىڭ بۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇلار يەھۇدىي ئەمەس ئەفەسلىك تروفىمنى پاۋلۇس بىلەن بىللە شەھەردە كۆرۈپ، پاۋلۇس ئۇنى مەركىزىي ئىبادەتخانىغا باشلاپ كىردى، دەپ خاتا ئويلىغانىدى.) شۇنىڭ بىلەن، پۈتۈن شەھەر تەۋرەپ كەتتى. تەرەپ-تەرەپتىن يۈگۈرۈپ كەلگەن خالايىق پاۋلۇسنى تۇتۇپ، مەركىزىي ئىبادەتخانىدىن سۆرەپ ئېلىپ چىقتى. ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرى ئىبادەتخانىدا قالايمىقانچىلىق چىقمىسۇن دەپ، ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىلىرىنى دەرھال تاقىۋەتتى. توپىلاڭچىلار پاۋلۇسنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولۇپ تۇرغاندا، پۈتۈن يېرۇسالېمنىڭ قالايمىقانچىلىق ئىچىدە قالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر ئۇ يەردە تۇرۇشلۇق رىم لەشكەرلىرىنىڭ قوماندانىغا يېتىپ باردى. قوماندان دەرھال لەشكەر ۋە بىرقانچە يۈزبېشىنى ئېلىپ، توپىلاڭ بولۇۋاتقان يەرگە يۈگۈرۈپ كەلدى. ئۇلارنى كۆرگەن خالايىق پاۋلۇسنى ئۇرۇشنى توختاتتى. قوماندان ئالدىغا ئۆتۈپ، لەشكەرلەرنى پاۋلۇسنى تۇتۇپ، ئىككى زەنجىر بىلەن باغلاشقا بۇيرۇدى. كېيىن، ئۇ: - بۇ ئادەم كىم؟ ئۇ نېمە گۇناھ قىلدى؟ - دەپ سورىدى. توپىلاڭچىلارنىڭ ئىچىدە بەزىلەر ئۇنى دېسە، بەزىلەر بۇنى دېيىشىپ، قالايمىقانچىلىق بولۇپ كەتتى. شۇڭا، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىقلاشقا ئامالسىز قالغان قوماندان ئاخىر پاۋلۇسنى ياندىكى قەلئەگە ئېلىپ كېتىشنى بۇيرۇدى. پاۋلۇس قەلئەنىڭ پەلەمپىيىگە كەلگەندە، توپىلاڭچىلار تېخىمۇ زوراۋانلىشىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن، لەشكەرلەر ئۇنى قەلئەگە كۆتۈرۈپ ئەكېتىشكە مەجبۇر بولدى. ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭغان خالايىق: - ئۇنى ئۆلتۈرۈڭلار! - دەپ ۋارقىرىشاتتى. لەشكەرلەر پاۋلۇسنى قەلئەگە ئەكىرىپ كېتىشكە ئاز قالغاندا، پاۋلۇس گرېك تىلىدا قومانداندىن: - بىر ئېغىز سۆزۈم بار ئىدى، ئېيتسام بولامدىكىن؟ - دەپ سورىدى. - گرېكچە بىلىدىكەنسەن! ئۇنداقتا، ئىلگىرى قالايمىقانچىلىق چىقىرىپ، خەنجەرلىك تۆت مىڭ توپىلاڭچىنى باشلاپ چۆلگە قېچىپ كەتكەن ھېلىقى مىسىرلىق سەن ئوخشىمامسەن؟ - دەپ سورىدى قوماندان. - ياق! مەن يەھۇدىي! كىلىكىيە ئۆلكىسىنىڭ تارسۇس شەھىرىدە تۇغۇلغان. شۇ مۇھىم شەھەرنىڭ پۇقراسىمەن. خالايىققا بىرنەچچە ئېغىز سۆز قىلىشىمغا ئىجازەت قىلسىڭىز! - دېدى پاۋلۇس. قوماندان ئىجازەت قىلدى. پاۋلۇس پەلەمپەيدە تۇرۇپ، خالايىققا قول ئىشارىتى قىلدى. كۆپچىلىك تىنچىغاندا، ئۇ ئارامىي تىلىدا سۆزلەشكە باشلىدى. - ھۆرمەتلىك يەھۇدىي ئاتىلار ۋە ئاكا-ئۇكىلار! ئەمدى ئۆزۈمنى ئاقلايدىغان سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار، - دېدى پاۋلۇس. ئۇلار پاۋلۇسنىڭ ئارامىي تىلىدا سۆزلىگىنىنى ئاڭلاپ، تېخىمۇ جىم بولۇشتى. پاۋلۇس سۆزىنى داۋاملاشتۇردى: - مەنمۇ بىر يەھۇدىي، كىلىكىيە ئۆلكىسىنىڭ تارسۇس شەھىرىدە تۇغۇلدۇم، لېكىن يېرۇسالېمدا چوڭ بولدۇم. داڭلىق تەۋرات ئۇستازى غامالىيىلدىن تەلىم ئېلىپ، ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان تەۋرات قانۇنىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ كەلدىم. سىلەرگە ئوخشاش، خۇدا يولىدا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن قىزغىن ئىشلىگەنىدىم. ھەزرىتى ئەيسا يولىدا ماڭغانلارغا زىيانكەشلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولدۇم. ھەزرىتى ئەيساغا ئەگەشكەنلەرنى ئەر-ئايال دېمەي تۇتۇپ، زىندانغا تاشلاتتىم. بۇ توغرۇلۇق باش روھانىي ۋە پۈتۈن ئالىي كېڭەشمە مېنىڭ سۆزلىرىمنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. مەن ئۇلاردىن دەمەشقتىكى يەھۇدىي باشلىقلارغا يېزىلغان خەتلەرنى ئېلىپ، ئۇ يەردىكى ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى جازالاش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا كىشەنلەپ ئېلىپ كېلىش نىيىتىدە يولغا چىققانىدىم. چۈشكە يېقىن، دەمەشققە يېتىپ كېلىشكە ئاز قالغىنىمدا، توساتتىن ئاسماندىن كۈچلۈك بىر نۇر چۈشۈپ، ئەتراپىمنى يورۇتۇۋەتتى. يەرگە يىقىلدىم. ئاندىن، «سائۇل، سائۇل ماڭا نېمىشقا زىيانكەشلىك قىلىسەن؟» دېگەن ئاۋازنى ئاڭلىدىم. «ئى رەببىم، سەن كىمسەن؟» دەپ سورىسام، ئۇ، «مەن سەن زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان ناسىرەلىك ئەيسا!» دېدى. مەن بىلەن بىللە كېتىۋاتقانلار ئۇ نۇرنى كۆرگەن بولسىمۇ، لېكىن ماڭا قىلغان سۆزلەرنى چۈشەنمەپتۇ. مەن يەنە، «ئى رەببىم، مەن نېمە قىلاي؟» دەپ سورىسام، ئۇ ماڭا، «ئورنۇڭدىن تۇر، دەمەشققە كىر، خۇدا ساڭا تاپشۇرغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ يەردە ئۇقىسەن!» دېدى. ھېلىقى كۈچلۈك نۇردىن كۆزلىرىم كۆرمەس بولۇپ قالدى. شۇڭا، يېنىمدىكىلەر قولۇمدىن يېتەكلەپ، دەمەشققە ئېلىپ كىردى. ئۇ يەردە ھانانىيا ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ خۇداغا ئىخلاسمەن، تەۋرات قانۇنىمىزغا قاتتىق ئەمەل قىلىدىغان كىشى بولۇپ، دەمەشقتىكى پۈتۈن يەھۇدىيلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر ئىدى. ئۇ كېلىپ، يېنىمدا تۇرۇپ: «قېرىندىشىم سائۇل، كۆزلىرىڭ ئەسلىگە كەلسۇن!» دېدى. شۇئان كۆزلىرىم ئەسلىگە كېلىپ، ئۇنى كۆردۈم. ئۇ ماڭا: «ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا سېنى ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى بىلىشىڭگە تاللىدى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئادىل خىزمەتكارى بولغان ھەزرىتى ئەيسانى كۆرۈشۈڭ ۋە ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان سۆزلەرنى ئاڭلىشىڭ ئۈچۈن سېنى تاللىدى. چۈنكى، سەن كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىڭنى پۈتۈن ئىنسانلارغا يەتكۈزىسەن! شۇنداق ئىكەن، سەن يەنە نېمىنى ساقلاپ تۇرىسەن؟ ئورنۇڭدىن تۇرۇپ چۆمۈلدۈرۈلگىن ۋە رەببىمىزگە دۇئا قىلىپ، گۇناھلىرىڭدىن پاكلان!» دېدى. كېيىن، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدىم. مەركىزىي ئىبادەتخانىدا دۇئا قىلىۋاتقىنىمدا، كۆزۈمگە بىر غايىبانە ئالامەت كۆرۈندى. بۇ ئالامەتتە مەن رەببىم ئەيسانى كۆردۈم. ئۇ ماڭا، «يېرۇسالېمدىن دەرھال كەت. چۈنكى، بۇ يەرنىڭ ئادەملىرى سېنىڭ ماڭا قىلغان گۇۋاھلىقىڭنى قوبۇل قىلمايدۇ!» دېدى. مەن، «ئى رەببىم، ئۇلار مېنىڭ ھەممە يەردە ئىبادەتخانىلارغا كىرىپ، ساڭا ئېتىقاد قىلغانلارنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇرغانلىقىمنى بىلىدۇ. خەلقنى ساڭا ئېتىقاد قىلىشقا دەۋەت قىلغان ئىستىپان ئۆلتۈرۈلگەندە، مەنمۇ شۇ يەردە ئىدىم! ئۇنى ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ كىيىملىرىنى ساقلاپ، قىلمىشلىرىغا قوشۇلغانىدىم! مەن بۇ يەردە تۇرسام، ئۇلار مېنىڭ گېپىمگە چوقۇم ئىشىنىدۇ» دېدىم. بىراق، رەببىم ئەيسا ماڭا يەنە، «يېرۇسالېمدىن چىقىپ كەت! سېنى يىراق جايلارغا، يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتىمەن!» دېدى. پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرىگە باشتىن-ئاياغ قۇلاق سېلىۋاتقان خالايىق ئۇنىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەر ھەققىدىكى سۆزىنى ئاڭلاش بىلەنلا: - ئۇنى يوقىتىش كېرەك! ئۆلتۈرۈش كېرەك! ئۇ ئۆلۈشكە تېگىشلىك! - دەپ چۇقان سېلىشتى. ئۇلار بىر تەرەپتىن چۇقان سېلىپ، بىر تەرەپتىن كىيىملىرىنى پۇلاڭلىتىپ، توپا سورۇپ، چاڭ چىقىرىۋەتتى. رىم قوماندانى پاۋلۇسنى قەلئەگە ئەكىرىپ كېتىشكە ئەمر قىلدى ۋە خالايىقنىڭ ئۇنىڭغا نېمە ئۈچۈن بۇنداق چۇقان سالىدىغانلىقىنى تەكشۈرمەكچى بولۇپ، لەشكەرلىرىگە ئۇنى قامچىلاپ سوراق قىلىشنى بۇيرۇدى. ئۇلار پاۋلۇسنى تۈۋرۈككە باغلاپ قامچىلىماقچى بولغاندا، پاۋلۇس يېنىدا تۇرغان يۈزبېشىغا: - بىر رىم پۇقراسىنى سوتلىمايلا قامچىلىشىڭلار قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ؟ - دېدى. بۇ سۆزنى ئاڭلىغان يۈزبېشى قومانداننىڭ ئالدىغا بېرىپ: - ئۇ كىشى رىم پۇقراسى ئىكەن. سىز نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلمەمسىز؟! - دېدى. قوماندان پاۋلۇسنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن: - ئېيتقىن، سەن راستتىنلا رىم پۇقراسىمۇ؟ - دەپ سورىدى. - راست، - دەپ جاۋاب بەردى پاۋلۇس. - مەن نۇرغۇن پۇل خەجلەپ، ئاران پۇقرالىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولدۇم، - دېدى قوماندان. پاۋلۇس: - مەن تۇغۇلۇشۇمدىن شۇنداق! - دېدى. شۇنىڭ بىلەن، پاۋلۇسنى سوراققا تارتماقچى بولغان لەشكەرلەر دەرھال ئۆزىنى چەتكە ئالدى. ئۇنى باغلاتقان قوماندانمۇ ئۇنىڭ رىم پۇقراسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، قورقۇپ كەتتى. چۈنكى، ئۇ بىر رىم پۇقراسىنى قانۇنسىز ھالدا باغلاپ، قامچىلاشقا ئەمر قىلغانىدى. قوماندان يەھۇدىيلارنىڭ پاۋلۇسنىڭ ئۈستىدىن قىلغان شىكايىتىنىڭ سەۋەبىنى ھەقىقىي بىلىش ئۈچۈن، ئەتىسى ئۇنى يېشىۋېتىپ، ئالىي روھانىيلار ۋە پۈتۈن يەھۇدىي ئالىي كېڭەشمىسىدىكىلەرنىڭ بىر يەرگە يىغىلىشىنى بۇيرۇدى. ئاندىن، پاۋلۇسنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا تۇرغۇزدى. پاۋلۇس ئالىي كېڭەشمە ھەيئەتلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ: - قېرىنداشلار، مەن بۈگۈنگىچە خۇدانىڭ ئالدىدا پاك ۋىجدانىم بىلەن ياشاپ كەلدىم، - دېدى. بۇنى ئاڭلىغان باش روھانىي ھانانىيا پاۋلۇسنىڭ يېنىدا تۇرغانلارغا ئۇنىڭ ئاغزىغا ئۇرۇشنى بۇيرۇدى. پاۋلۇس ئۇنىڭغا: - ئەي تېشى پال-پال ساختىپەز! سېنى خۇدا ئۇرىدۇ! سەن ئۇ يەردە ئولتۇرۇپ، مېنى تەۋرات قانۇنى بويىچە سوراققا تارتماقچى، لېكىن مېنى ئۇرغۇزۇپ، ئۆزۈڭ تەۋرات قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىۋاتىسەن! - دېدى. - سەن خۇدانىڭ باش روھانىيسىغا ھاقارەت كەلتۈرۈۋاتامسەن؟! - دېيىشتى يېنىدا تۇرغانلار. پاۋلۇس: - مېنى كەچۈرۈڭلار! مەن ئۇنىڭ باش روھانىي ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسام، ئۇنداق دېمەيتتىم. چۈنكى تەۋراتتا: «خەلقىڭنى ئىدارە قىلىدىغان باشلىققا تۆھمەت قىلما!» دېيىلگەن، - دېدى. پاۋلۇس بۇ بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى سادۇقىي دىنىي ئېقىمىدىكىلەر، يەنە بەزىلىرى پەرىسىي دىنىي ئېقىمىدىكىلەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇلارنى تالاش-تارتىشقا سېلىش ئۈچۈن، ئالىي كېڭەشمىدە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: - قېرىنداشلار، مەن بولسام پەرىسىيلەردىن بولىمەن ۋە بىر پەرىسىينىڭ ئوغلىمەن. مەن ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا تىرىلىشىنى ئۈمىد قىلغانلىقىم ئۈچۈنلا بۈگۈن بۇ يەردە سوراققا تارتىلىۋاتىمەن! - دەپ ۋارقىرىدى. بۇ سۆز ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىشى بىلەن تەڭ، پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلار تالاش-تارتىش قىلىشىپ كەتتى. كېڭەشمىدىكىلەر ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى. چۈنكى، سادۇقىيلار ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا تىرىلىشىگە، پەرىشتە ۋە روھلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىشەنمەيدۇ. لېكىن، پەرىسىيلەر بۇلارغا ئىشىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، چۇقان-سۈرەن بارغانسېرى كۈچەيدى. پەرىسىي ئېقىمىدىكى بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ: - بىز بۇ ئادەمدىن ھېچقانداق خاتالىق تاپالمىدۇق! ئېھتىمال راستتىن بىر روھ ياكى پەرىشتە ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشكەن بولسا ئەجەب ئەمەس! - دەپ، قاتتىق مۇنازىرىلەشتى. تالاش-تارتىش ئەۋج ئېلىپ كەتتى. يەھۇدىيلارنىڭ پاۋلۇسنى تارتىپ پارچە-پارچە قىلىۋېتىشتىن قورقۇپ قالغان قوماندان لەشكەرلىرىنىڭ زالغا كىرىپ، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىن پاۋلۇسنى زورلۇق بىلەن تارتىپ چىقىپ، قەلئەگە ئەكىرىپ كېتىشىنى بۇيرۇدى. شۇ كۈنى كېچىسى، رەببىمىز ئەيسا پاۋلۇسنىڭ يېنىدا تۇرۇپ: - غەيرەتلىك بول! سەن يېرۇسالېمدا مەن ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەرگىنىڭدەك، ئەمدى رىم شەھىرىدىمۇ شۇنداق قىلىشىڭ كېرەك! - دېدى. ئەتىسى ئەتىگەندە، بەزى يەھۇدىيلار مەخپىي سۇيىقەست پىلانلاپ، پاۋلۇسنى ئۆلتۈرمىگۈچە ھېچ نەرسە يېمەيمىز، ئىچمەيمىز، دەپ قەسەم قىلىشتى. بۇ سۇيىقەستنى پىلانلىغۇچىلار قىرىق نەچچە كىشى ئىدى. ئۇلار ئالىي روھانىيلار ۋە يەھۇدىي ئاقساقاللارنىڭ ئالدىغا بېرىپ: - بىز پاۋلۇسنى ئۆلتۈرمىگۈچە ھېچ نەرسە يېمەيمىز، دەپ قاتتىق قەسەم قىلدۇق. ھازىر سىلەر ۋە ئالىي كېڭەشمە پاۋلۇسنىڭ ئىشلىرىنى تېخىمۇ تەپسىلىي تەكشۈرۈش باھانىسى بىلەن ئۇنى كېڭەشمىگە ئېلىپ كېلىشنى رىم قوماندانىدىن تەلەپ قىلىڭلار. بىز تەييار تۇرۇپ، ئۇنى كېڭەشمىگە ئېلىپ كېلىنىشتىن ئىلگىرىلا جايلىۋېتىمىز، - دېدى. بىراق، بۇ سۇيىقەستتىن خەۋەر تاپقان پاۋلۇسنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئوغلى دەرھال قەلئەگە كىرىپ، پاۋلۇسقا خەۋەر قىلىپ قويدى. بۇنىڭ بىلەن، پاۋلۇس يۈزبېشىلىرىدىن بىرىنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا: - بۇ ياشنى قوماندان بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ قويسىڭىز. ئۇنىڭ قوماندانغا مەلۇم قىلىدىغان ئىشى بار ئىكەن، - دېدى. يۈزبېشى بۇ ياشنى قومانداننىڭ ئالدىغا باشلاپ كىرىپ: - مەھبۇس پاۋلۇس مېنى چاقىرتىپ، بۇ ياشنى سىز بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ قويۇشۇمنى تەلەپ قىلدى. چۈنكى، ئۇنىڭ سىزگە مەلۇم قىلىدىغان ئىشى بار ئىكەن، - دېدى. قوماندان ئۇنى قولىدىن تۇتۇپ، بىر چەتكە تارتىپ: - مەلۇم قىلىدىغان نېمە ئىشىڭ بار؟ - دەپ سورىدى. ئۇ جاۋابەن مۇنداق دېدى: - يەھۇدىي ئاقساقاللار پاۋلۇسنىڭ ئىشلىرىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈش باھانىسى بىلەن ئۆزلىرىدىن ئەتە ئۇنى يەھۇدىي ئالىي كېڭەشمىسىگە ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا كېلىشتى. ئۇلارغا ماقۇل بولمىغايسىز، چۈنكى قىرىق نەچچە ئادەم ئۇنى يوشۇرۇن كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئۇلار پاۋلۇسنى ئۆلتۈرمىگۈچە ھېچ نەرسە يېمەيمىز، ئىچمەيمىز، دەپ قەسەم قىلىشىپتۇ. ھازىر ئۆزلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇشلىرىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. قوماندان ئۇنىڭغا: - بۇ ئىشنى ماڭا مەلۇم قىلغانلىقىڭنى ھېچكىم ئۇقمىسۇن! - دەپ تاپىلاپ، ئۇنى قايتۇردى. قوماندان يۈزبېشىدىن ئىككىنى چاقىرتىپ: - ئىككى يۈز پىيادە لەشكەر، يەتمىش ئاتلىق لەشكەر ۋە ئىككى يۈز نەيزىۋاز لەشكەر ھازىرلاپ، بۈگۈن كېچە سائەت توققۇزدا قەيسەرىيە شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقىڭلار! شۇنىڭ بىلەن بىللە، پاۋلۇسنى ۋالىي فېلىكسنىڭ يېنىغا ساق-سالامەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئۇلاغ تەييارلاڭلار! - دەپ بۇيرۇدى. قوماندان لىسىياس پاۋلۇس ھەققىدە فېلىكسكە يەنە مۇنداق بىر خەت يازدى: «ھۆرمەتلىك ۋالىي فېلىكس جانابلىرىغا كلاۋدىيۇس لىسىياستىن ئېھتىرام بىلەن سالام! مەقسەتكە كەلسەم، بۇ كىشىنى يەھۇدىيلار تۇتۇۋالغان بولۇپ، ئۆلتۈرمەكچى بولغانىدى. لېكىن، ئۇنىڭ رىم پۇقراسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ قېلىپ، لەشكەر باشلاپ بېرىپ ئۇنى قۇتقۇزدۇم. مەن ئۇلارنىڭ بۇ كىشى ئۈستىدىن قىلغان شىكايىتىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىماقچى بولۇپ، ئۇنى يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي كېڭەشمىسىگە ئېلىپ باردىم. نەتىجىدە، مەن ئۇلارنىڭ ئۇنىڭ ئۈستىدىن قىلغان شىكايىتىنىڭ دىنىي قانۇنىغا دائىر مەسىلىلەردىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. ئۇنىڭدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە ياكى زىندانغا تاشلاشقا لايىق بىرەر جىنايەت تاپالمىدىم. كېيىن، مەن بەزى يەھۇدىيلارنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىش قەستىدە بولۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، دەرھال ئۇنى جانابلىرىغا يوللاشنى توغرا تاپتىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەرز قىلغۇچىلارنىڭ شىكايەتلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئالدىدا قىلىشىنى بۇيرۇدۇم.» لەشكەرلەر بۇيرۇق بويىچە پاۋلۇسنى كېچىلەپ ئانتىپاترىس شەھىرىگە يەتكۈزدى. ئەتىسى، پاۋلۇس ئاتلىق لەشكەرلەرنىڭ ئېلىپ بېرىشىغا تاپشۇرۇلدى. پىيادە لەشكەرلەر بولسا يېرۇسالېمدىكى قەلئەگە قايتىپ كەلدى. ئاتلىقلار قەيسەرىيىگە بېرىپ، خەتنى ۋالىيغا سۇندى ۋە پاۋلۇسنىمۇ تاپشۇردى. ۋالىي خەتنى ئوقۇغاندىن كېيىن، پاۋلۇسنىڭ قايسى ئۆلكىدىن ئىكەنلىكىنى سوراپ، ئۇنىڭ ئۆز باشقۇرۇشىدىكى كىلىكىيىدىن كەلگەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا: - سېنى ئۈستۈڭدىن ئەرز قىلغۇچىلار كەلگەندە بىر تەرەپ قىلىمەن، - دېدى ۋە لەشكەرلەرگە ئۇنى ھىرود خان سالغان ئوردىدىكى بىر ئۆيگە نەزەربەند قىلىپ قويۇشنى بۇيرۇدى. بەش كۈندىن كېيىن، باش روھانىي ھانانىيا ۋە ئاقساقاللاردىن بىرنەچچەيلەن تەرتۇلۇس ئىسىملىك بىر ئادۋوكات بىلەن قەيسەرىيىگە كېلىپ، پاۋلۇس توغرىسىدىكى شىكايەتلىرىنى ۋالىي فېلىكسكە سۇندى. پاۋلۇس چاقىرتىلدى. تەرتۇلۇس ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ مۇنداق دېدى: - ھۆرمەتلىك فېلىكس جانابلىرى! بىز ئۆزلىرىنىڭ قولى ئاستىدا ئۇزۇندىن بۇيان ئامان-ئېسەن ياشاپ كەلمەكتىمىز، خەلقىمىزدە ناچار ئىللەتلەر تۈگىتىلىپ، چوڭ ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. بۇنىڭدىن ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا چەكسىز مىننەتدارمىز. مەنكى تەرتۇلۇس ئۆزلىرىنى ئارتۇقچە ئاۋارە قىلىشنى خالىمايمەن. قىسقىغىنا ئەرزلىرىمىزنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاشلىرىنى ئۆتۈنۈپ سورايمەن. بىز شۇنى تونۇپ يەتتۇقكى، بۇ جېدەلخور پۈتۈن دۇنيادىكى يەھۇدىيلار ئارىسىدا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ، ئۇلارنى رىم ھاكىمىيىتىگە قارشى چىقىشقا كۈشكۈرتۈۋاتقان بۆلگۈنچى ۋە شۇنداقلا «ناسىرەلىكلەر» دەپ ئاتالغان بىر گۇرۇھنىڭ كاتتىۋاشلىرىدىن بىرىدۇر. ئۇنى سوراق قىلىپ كۆرسىلە، بىزنىڭ ئەرزلىرىمىزنىڭ توغرىلىقىنى چۈشىنەلەيدىلا! سورۇندا بولغان يەھۇدىيلارمۇ بىر ئېغىزدىن شىكايەت قىلىشىپ، ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنى تەستىقلاشتى. پاۋلۇس ۋالىي فېلىكسنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن، سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: - جانابلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى يەھۇدىي خەلقىنى سوراپ كەلگەنلىكىدىن خەۋىرىم بار. شۇڭا، ئالدىلىرىدا ئۆزۈمنى ئاقلاشقا رازىمەن. ئاسانلا بىلەلەيدىلىكى، مەن يېرۇسالېمغا ئىبادەت قىلىشقا بارغىنىمدىن ھازىرغىچە پەقەت ئون ئىككى كۈنلا ئۆتتى. مېنىڭ مەركىزىي ئىبادەتخانىدا بىرەر ئادەم بىلەن تالاش-تارتىش قىلغانلىقىمنى كۆرگەن كىشى يوق ۋە مېنىڭ باشقا ئىبادەتخانىلاردا ياكى شەھەرنىڭ باشقا جايلىرىدا ئاممىنى قۇتراتقانلىقىمنىمۇ كۆرگەن كىشى يوق. ئۇلار جانابلىرىغا مېنىڭ ئۈستۈمدىن قىلغان شىكايەتلىرىگە ئىسپات كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ. بىراق بىرلا ئىشنى ئېتىراپ قىلىمەنكى: مەن يەھۇدىيلار خاتا ئېقىم دەپ قارىغان ھەزرىتى ئەيسا يولى بىلەن مېڭىپ، ئەجدادلىرىمىز ئەزەلدىن ئېتىقاد قىلغان خۇداغا ئىبادەت قىلىمەن. تەۋراتتا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدا يېزىلغانلارنىڭمۇ ھەممىسىگە ئىشىنىمەن. مۇشۇ يەھۇدىيلارغا ئوخشاش، مەنمۇ پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ياخشى-يامان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسىنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن سوراق قىلىنىش ئۈچۈن قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. شۇ سەۋەبتىن، ئۆزۈم ھەمىشە خۇدا ئالدىدىمۇ، ئىنسانلار ئالدىدىمۇ پاك ۋىجدانلىق بولۇشقا تىرىشىمەن. مەن يېرۇسالېمدىن ئايرىلغىلى خېلى يىللار بولغان بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇ يەرگە يەھۇدىي قېرىنداشلىرىمغا ياردەم پۇلى يەتكۈزۈپ بەرگىلى ۋە خۇداغا قۇربانلىق قىلغىلى بارغانىدىم. ئۈستۈمدىن شىكايەت قىلغان يەھۇدىيلار مېنى مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىدا ئۇچراتقىنىدا، مەن تازىلىنىش دىنىي قائىدىسىدىن ئۆتۈپ سەدىقەمنى سۇنۇۋاتاتتىم، ئەتراپىمغا ئادەم توپلىغىنىممۇ يوق. قالايمىقانچىلىق چىقارغىنىممۇ يوق. ئاسىيا ئۆلكىسىلىك ئاشۇ يەھۇدىيلارنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدىن شىكايەتلىرى بولسا، ئەسلى ئۇلار ئۆزلىرى كېلىپ، جانابلىرىنىڭ ئالدىدا دېيىشى كېرەك ئىدى. بولمىسا، قېنى مۇشۇ سورۇندىكىلەر يېرۇسالېمدىكى يەھۇدىي ئالىي كېڭەشمىسىدە سوراق قىلىنغان ۋاقتىمدا، مېنىڭدىن قانداق جىنايەت تېپىلغانلىقىنى ئېيتىپ باقسۇن. پەقەت شۇنى ئېتىراپ قىلىمەنكى، يەھۇدىي ئالىي كېڭەشمىسىدە سوراق قىلىنغان ۋاقتىمدا، «بۈگۈن ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا تىرىلىشىگە ئىشەنگەنلىكىم ئۈچۈنلا سىلەرنىڭ سورىقىڭلارغا تارتىلىۋاتىمەن!» دەپ ۋارقىرىغانىدىم. بۇنىڭدا نېمە گۇناھ بار؟! رەببىمىزنىڭ يولىغا نىسبەتەن خېلى بىلىمى بولغان فېلىكس سوراقنى توختىتىپ، ئۇلارغا: - دەۋايىڭلار توغرىسىدىكى ھۆكۈمنى قوماندان لىسىياس كەلگەندە چىقىرىمەن، - دېدى. ئۇ يۈزبېشىغا پاۋلۇسنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇشنى، لېكىن ئۇنىڭغا بىرئاز كەڭ مۇئامىلە قىلىپ، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ ئۇنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تەمىنلەپ تۇرۇشىغا يول قويۇشنى بۇيرۇدى. بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، ۋالىي فېلىكس يەھۇدىي ئايالى درۇسىلا بىلەن بىللە كېلىپ، پاۋلۇسنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئەيساغا ئېتىقاد قىلىش يولىنى ئاڭلىدى. پاۋلۇس خۇدانىڭ ئالدىدا ھەققانىي ياشاش، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، قىيامەت كۈنىدىكى سوئال-سوراق قىلىنىش قاتارلىقلار توغرىسىدا توختالغاندا، ۋەھىمىگە چۈشكەن فېلىكس ئۇنىڭغا: - ھازىرچە قايتىپ تۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ. كېيىن ۋاقتىم چىققاندا، يەنە چاقىرتىمەن، - دېدى. ئۇ پاۋلۇسنىڭ پارا بېرىشىنى كۈتەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنى پات-پات چاقىرتىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشەتتى. ئىككى يىلدىن كېيىن، ۋالىي فېلىكسنىڭ ئورنىغا پوركىيۇس فېستۇس ۋالىي بولدى. فېلىكس يەھۇدىيلارغا ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن پاۋلۇسنى سولاقتا قالدۇردى. فېستۇس فېلىكسنىڭ ئورنىغا ۋالىي بولۇپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى قەيسەرىيىگە كېلىپ، ئۈچ كۈندىن كېيىن يېرۇسالېمغا بارغانىدى. ئالىي روھانىيلار بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ ئاقساقاللىرى فېستۇسقا پاۋلۇسنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن پاۋلۇسنى يېرۇسالېمغا ئەۋەتىپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپ سورىدى. چۈنكى، ئۇلار يول ئۈستىدە پاۋلۇسنى ئۆلتۈرۈشنى قەستلىگەنىدى. لېكىن، فېستۇس ئۇلارغا: - پاۋلۇس ھازىر قەيسەرىيىدە سولاقتا. مەن يېقىندا ئۇ يەرگە قايتىپ كېتىمەن. سىلەرنىڭ ئاقساقاللىرىڭلار مەن بىلەن بىللە بارسۇن. ئەگەر ئۇنىڭ بىرەر قانۇنسىز قىلمىشلىرى بولسا، ئۇلار شۇ يەردە شىكايەت قىلسا بولىدۇ، - دەپ جاۋاب بەردى. فېستۇس ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئون كۈنچە تۇرۇپ، قەيسەرىيىگە قايتىپ كەلدى. ئەتىسى سوت ئېچىپ، پاۋلۇسنى سوت مەيدانىغا ئېلىپ كېلىشنى بۇيرۇدى. پاۋلۇس كىرگەندىن كېيىن، يېرۇسالېمدىن كەلگەن يەھۇدىيلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئېغىر جىنايەتلەرنى ئارتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى. بىراق، ھېچقايسىسىغا ئىسپات كۆرسىتىپ بېرەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن، پاۋلۇس ئۆزىنى ئاقلاپ: - مەن يەھۇدىيلارنىڭ قانۇنىغا، مەركىزىي ئىبادەتخانىسىغا ياكى رىم ئىمپېراتورىغا قارشى ھېچقانداق جىنايەت ئۆتكۈزمىدىم، - دېدى. لېكىن، فېستۇس يەھۇدىيلارغا ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن، پاۋلۇستىن: - سېنى يېرۇسالېمغا ئاپىرىپ، ئۇ يەردە بۇ شىكايەتلەرگە ئاساسەن سوتلىسام قانداق؟ - دەپ سورىدى. - بولمايدۇ! - دەپ جاۋاب بەردى پاۋلۇس، - مەن ھازىر رىم ئىمپېراتورى قەيسەرنىڭ ھوقۇقى بىلەن تەيىنلەنگەن سوراقچى ئالدىدا تۇرىمەن. مېنى سوراق قىلىشقا تېگىشلىك يەر مانا مۇشۇ. ئۆزىڭىزگە مەلۇم، مەن يەھۇدىيلارغا قارشى ھېچقانداق جىنايەت ئۆتكۈزمىدىم. ئەگەر جىنايىتىم بولسا ۋە ئۆلۈمگە لايىق بىرەر ئىش قىلغان بولسام، مېنى جازالىماڭ، دەپ تەلەپ قىلمىغان بولاتتىم. ئۇلارنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدىن قىلغان شىكايەتلىرى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھېچكىمنىڭ مېنى ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە ھەققى يوق. مەن رىم ئىمپېراتورىغا ئەرز قىلىمەن! ئۆزى مېنى سوراق قىلسۇن! ۋالىي فېستۇس مەسلىھەتچىلىرى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، پاۋلۇسقا: - سەن رىم ئىمپېراتورى قەيسەرنىڭ سوراق قىلىشىنى تەلەپ قىلدىڭ. شۇڭا، ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىلىسەن، - دېدى. بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، ئاگرىپا خان بىلەن سىڭلىسى بەرنىكى فېستۇسنىڭ ۋالىيلىق مەنسىپىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، قەيسەرىيىگە كەلدى. ئۇ يەردە بىرنەچچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن، فېستۇس پاۋلۇس توغرىسىدا ئاگرىپاغا مۇنداق دېدى: - بۇ يەردە فېلىكس قالدۇرۇپ كەتكەن بىر مەھبۇس بار ئىدى. مەن يېرۇسالېمغا بارغىنىمدا، يەھۇدىي ئالىي روھانىيلىرى بىلەن ئاقساقاللىرى ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، مەندىن ئۇنى جازالاشنى تەلەپ قىلىشتى. مەن ئۇلارغا، رىملىقلارنىڭ قانۇنى بويىچە سوراق قىلىنغۇچى ئەرز قىلغۇچى بىلەن يۈزلەشتۈرۈلۈشتىن ۋە ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتى بېرىلىشتىن ئىلگىرى، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتىم. ئۇلار بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، مەن ۋاقىتنى كېچىكتۈرمەي، ئەتىسىلا سوراقنى باشلاپ، ئۇ كىشىنى سوراققا ئەكېلىشنى بۇيرۇدۇم. ئەرز قىلغۇچىلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشتى. لېكىن، ئۇلارنىڭ شىكايەتلىرى مېنىڭ ئويلىغىنىمدەك جىنايەت ھەققىدە ئەمەس ئىدى. ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ بۇ كىشى بىلەن تالاش-تارتىش قىلىشقىنى ئۆز دىنى ھەققىدىكى مەسىلىلەر ۋە ئەيسا ئىسىملىك بىر كىشى ھەققىدە ئىدى. ئۇ كىشى ئۆلگەن بولۇپ، پاۋلۇس بولسا ئۇ تىرىلدى دەيدىكەن. بۇ مەسىلىنى مەن زادى قانداق ئېنىقلاشنى بىلمىدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن پاۋلۇستىن يېرۇسالېمغا بېرىپ، ئۇ يەردە بۇ شىكايەتلەرگە ئاساسەن سوراققا تارتىلىشقا رازى بولۇش-بولماسلىقىنى سورىغانىدىم. ھالبۇكى، پاۋلۇس رىمدا، رىم ئىمپېراتورىنىڭ ئالدىدا سوراق قىلىنىشنى تەلەپ قىلدى. شۇڭا، مەن ئۇنى ئىمپېراتورىنىڭ ئالدىغا ئەۋەتكەنگە قەدەر، سولاقتا تۇتۇپ تۇرۇشنى بۇيرۇدۇم. ئاگرىپا فېستۇسقا: - مەنمۇ بۇ كىشىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ باقاي، - دېدى. - ئەتە ئاڭلايسىز، - دېدى فېستۇس. ئەتىسى، ئاگرىپا بىلەن بەرنىكى ھەيۋەتلىك تەنتەنە بىلەن يىغىن زالىغا كىرىپ كەلدى. ھەرقايسى قوماندان ۋە شەھەر كاتتىۋاشلىرىمۇ ئۇلار بىلەن بىللە كېلىشتى. فېستۇسنىڭ ئەمر بېرىشى بىلەن پاۋلۇس ئېلىپ كىرىلدى. ۋالىي فېستۇس مۇنداق دېدى: - ئاگرىپا خان ئالىيلىرى ۋە سورۇنغا قاتناشقان جانابلار! بۇ كىشىنى كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر. پۈتۈن يەھۇدىيلار بۇ يەردە ۋە يېرۇسالېمدا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى قاتتىق تەلەپ قىلغان كىشى مانا شۇ. لېكىن، مەن ئۇنىڭدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە تېگىشلىك بىرەر جىنايەت تاپالمىدىم. ھازىر ئۇ، «مېنى رىم ئىمپېراتورى سوراق قىلسۇن» دەپ ئىلتىماس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇنى رىمغا ئەۋەتىشنى قارار قىلدىم. بىراق، بۇ كىشى ھەققىدە مەندە پادىشاھقا مەلۇم قىلغۇدەك ئوچۇق مەلۇمات يوق. شۇڭا، ئەھۋالنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىرەر مەلۇماتقا ئىگە بولۇش مەقسىتىدە ئۇنى ھەربىرلىرىنىڭ ئالدىغا، بولۇپمۇ ئاگرىپا خان ئالىيلىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدىم. چۈنكى مېنىڭچە، مەھبۇسنى رىمغا ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن قىلىنغان شىكايەتتىن تەپسىلىي مەلۇمات بەرمەسلىك توغرا ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن، ئاگرىپا خان پاۋلۇسقا: - ئۆزۈڭنى ئاقلىشىڭغا رۇخسەت، - دېدى. پاۋلۇس قولىنى كۆتۈرۈپ ئۆزىنى ئاقلاشقا باشلىدى: - ئى ئاگرىپا خان، بۈگۈن ئالدىلىرىدا يەھۇدىيلار مېنىڭ ئۈستۈمدىن شىكايەت قىلغان پۈتۈن ئىشلاردىن ئۆزۈمنى ئاقلاش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىم ئۈچۈن، ئۆزۈمنى بەختلىك ھېس قىلىمەن! بولۇپمۇ خۇشاللىنارلىق يېرى شۇكى، ئۆزلىرى يەھۇدىيلارنىڭ ئەنئەنىلىرى ۋە تالاش-تارتىش قىلىدىغان مەسىلىلىرىنى ياخشى بىلىدىلا. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەرز-ھالىمنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاپ بېقىشلىرىنى ئۆتۈنىمەن. مېنىڭ دەسلەپتە ئۆز يۇرتۇمدا ھەمدە كېيىن يېرۇسالېمدا قانداق ياشاپ كەلگەنلىكىم ھەممە يەھۇدىيلارغا ئايان. ئۇلار مېنىڭ ئۇزۇندىن بېرى يەھۇدىي دىنىنىڭ پەرىسىي ناملىق ئەڭ كۈچلۈك ئېقىمىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىمنى بىلىدۇ. ئەگەر خالىسا، گۇۋاھلىق بېرەلەيدۇ. خۇدا ئەجدادلىرىمىزغا ۋەدە قىلغىنىنى ئۈمىد قىلغىنىم ئۈچۈن، ئەمدى بۈگۈن ئۆزلىرىنىڭ ئالدىدا سوتلىنىۋاتىمەن. بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىدىكى پۈتۈن قېرىنداشلارمۇ كېچە-كۈندۈز خۇداغا ئىبادەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئۇلارغا قىلغان دەل مۇشۇ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈپ كەلدى. ئى خان، يەھۇدىيلارنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدىن شىكايەت قىلىشى دەل مانا شۇ ئۈمىد بىلەن مۇناسىۋەتلىك. سىلەر نېمىشقا خۇدانىڭ ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانسىلەر؟ بۇرۇن مەنمۇ ناسىرەلىك ئەيسانىڭ نامىغا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قارشى تۇرۇشۇم كېرەك، دەپ قارايتتىم ۋە يېرۇسالېمدا مانا شۇنداق قىلغانىدىم. ئالىي روھانىيلاردىن ئالغان ھوقۇقۇم بىلەن، نۇرغۇن ئېتىقادچىلارنى زىندانغا تۇتۇپ بەرگەن، ئۇلار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغاندىمۇ، ھۆكۈمگە قوشۇلغانىدىم. مەن ھەرقايسى ئىبادەتخانىلاردا ئۇلارنى ئىزدەپ، كۆپ قېتىم ئۇلارنى جازالىتىپ، ئۇلارنى ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاشقا تىرىشقانىدىم. مەن ئۇلارغا شۇ قەدەر ئۆچ ئىدىمكى، ھەتتا باشقا دۆلەتلەردىكى شەھەرلەرگە بېرىپ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلغان. ئى خان، بىر كۈنى ئالىي روھانىيلار بەرگەن ھوقۇق بىلەن، ھەزرىتى ئەيساغا ئەگەشكەنلەرگە زىيانكەشلىك قىلغىلى دەمەشق شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتىم. چۈش ۋاقتىدا يولدا كېتىۋېتىپ، ئاسماندىن چۈشكەن قۇياش نۇرىدىنمۇ كۈچلۈك بىر نۇرنىڭ ئەتراپىمنى ۋە بىللە كېتىۋاتقانلارنى يورۇتۇۋەتكەنلىكىنى كۆردۈم. ھەممىمىز يەرگە يىقىلدۇق. مەن ئارامىي تىلىدا ئېيتىلغان، «سائۇل، سائۇل! ماڭا نېمىشقا زىيانكەشلىك قىلىسەن؟ سەن خۇددى خوجايىنى ئۇرسىمۇ ماڭمىغان جاھىل ئېشەككە ئوخشاش، ئۆزۈڭ زىيان تارتىسەن!» دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. «ئى رەببىم، سەن كىمسەن؟» دەپ سورىدىم مەن. رەببىم ئەيسا جاۋابەن، «مەن، سەن زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان ئەيسا! ئورنۇڭدىن تۇر! سېنى ئۆزۈمگە خىزمەت قىلىشقا ھەم گۇۋاھلىق بېرىشكە تاللىغانلىقىم ئۈچۈن، ساڭا كۆرۈندۈم. سەن بۈگۈن مېنىڭدىن كۆرگەن ئىشلارنى ھەم كەلگۈسىدە ساڭا كۆرسىتىدىغان ئىشلىرىمنى باشقىلارغا يەتكۈزىسەن. مەن سېنى يەھۇدىيلارنىڭمۇ ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭمۇ قولىدىن قۇتقۇزىمەن. مەن سېنى يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ يېنىغا ئەۋەتمەكچىمەن. سەن قاراڭغۇلۇقتا ياشاۋاتقانلارنىڭ كۆزلىرىنى ئېچىپ، ئۇلارنى زۇلمەتتىن يورۇقلۇققا، شەيتاننىڭ ئىلكىدىن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا باشلايسەن. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. شۇنداقلا، ئۇلار ماڭا ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق پاك قىلىنغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ!» دېدى. ئى ئاگرىپا خان، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن خۇدادىن كەلگەن غايىبانە ئالامەتتە كۆرۈنگەن ھەزرىتى ئەيساغا قاتتىق ئىتائەت قىلدىم. ئالدى بىلەن دەمەشق خەلقىگە، يېرۇسالېم شەھىرىدىكى يەھۇدىيلارغا، پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى كىشىلەرگە، ئاندىن يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ خۇش خەۋەر يەتكۈزدۈم. ئۇلارغا، «يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، خۇدا يولىغا قايتىڭلار! ˜توۋا قىلدۇق!Œ دېسەڭلار، ئۇنى سۆز بىلەن ئەمەس، ياخشى ئەمەلىيىتىڭلار بىلەن ئىسپاتلاڭلار!» دەپ، ئۇلارنىمۇ توۋا قىلىشقا دەۋەت قىلدىم. شۇ سەۋەبتىن، يەھۇدىيلار مېنى مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىدا تۇتۇپ، ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولۇشتى. بىراق، خۇدا بۈگۈنگىچە ماڭا ياردەم قىلىپ، مېنى قوغدىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۈگۈن بۇ يەردىكى چوڭ-كىچىك ھەممەيلەننىڭ ئالدىدىمۇ ھەزرىتى ئەيساغا گۇۋاھلىق بېرىمەن. مېنىڭ ئېيتقانلىرىم مۇسا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ كېلىدىغان قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ھەققىدە ئالدىن ئېيتقانلىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇلار قۇتقۇزغۇچى- مەسىھنىڭ جەزمەن ئۆلتۈرۈلۈپ، ھەممىدىن بۇرۇن ئۆلۈمدىن مەڭگۈگە تىرىلدۈرۈلۈپ، ئۆز خەلقى ھەم پۈتكۈل دۇنيا خەلقىگە نىجاتلىق نۇرىنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئالدىن ئېيتقانىدى. پاۋلۇس ئۆزىنى مانا شۇنداق ئاقلىغاندا، ۋالىي فېستۇس يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئۇنىڭغا: - پاۋلۇس، ساراڭ بولۇپسەن! يۇقىرى بىلىمىڭ ئەقلىڭنى ئازدۇرۇپتۇ! - دېدى. - ھۆرمەتلىك ۋالىي فېستۇس! - دېدى پاۋلۇس، - مەن ساراڭ بولغىنىم يوق، مېنىڭ ئېيتقانلىرىم راست ۋە ئەقىلگە مۇۋاپىق. بۇ ئىشلاردىن ئاگرىپا خاننىڭمۇ خەۋىرى بار. شۇڭا، مەن خانغا ئوچۇق ئېيتالايمەن. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە خاننىڭ دىققەت قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. چۈنكى، ھەزرىتى ئەيسانىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلار ئادەم كۆرمەيدىغان بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا بولغان ئىشلار ئەمەستە! ئاندىن، پاۋلۇس ئاگرىپا خانغا قاراپ، مۇنداق دېدى: - ئى خان، ئۆزلىرى پەيغەمبەرلەرنىڭ قۇتقۇزغۇچى ھەققىدە ئېيتقانلىرىغا ئىشىنەمدىلا؟ ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى بىلىمەن! ئاگرىپا خان پاۋلۇسقا: - سەن مېنى مۇشۇنچىلىك قىسقىغىنا ۋاقىتتا ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشقا قايىل قىلالايمەن، دەپ ئويلاۋاتامسەن؟ - دېدى. پاۋلۇس: - مەيلى بالدۇر ياكى كېيىن بولسۇن، ئۆزلىرىنىڭ ۋە بۈگۈن مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ماڭا ئوخشاش ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن. پەقەتلا ماڭا ئوخشاش، زەنجىردە بولۇشۇڭلارنى خالىمايمەن! - دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ئاگرىپا خان، ۋالىي فېستۇس، ئاگرىپانىڭ سىڭلىسى بەرنىكى ۋە باشقىلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، ئۇ يەردىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، بىر-بىرىگە: - بۇ كىشىنىڭ ئۆلۈمگە ياكى تۈرمىگە سولاشقا تېگىشلىك بىرەر جىنايىتى يوق ئىكەن! - دېيىشتى. ئاگرىپا خان فېستۇسقا: - بۇ ئادەم، «مېنى رىم ئىمپېراتورى ئۆزى سوراق قىلسۇن» دېمىگەن بولسا، قويۇپ بېرىلسە بولىدىكەنتۇق! - دېدى. بىزنىڭ سۇ يولى بىلەن ئىتالىيىنىڭ رىم شەھىرىگە بېرىشىمىز قارار قىلىنغاندىن كېيىن، رىملىق ئەمەلدارلار پاۋلۇس بىلەن باشقا مەھبۇسلارنى شاھانە قوشۇندىكى يۇلىيۇس ئىسىملىق بىر يۈزبېشىغا تاپشۇرۇپ بەردى. بىز ئەدرەمىت شەھىرىدىن ئاسىيا ئۆلكىسىنىڭ دېڭىز بويلىرىدىكى شەھەرلەرگە بارىدىغان كېمىگە ئولتۇرۇپ، سەپەرگە ئاتلاندۇق. ماكېدونىيە ئۆلكىسىنىڭ سالونىكا شەھىرىدىن بولغان ئارىستارخۇس ئىسىملىك بىر كىشى بىز بىلەن ھەمسەپەر بولدى. ئەتىسى، سىدون شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق. يۇلىيۇس پاۋلۇسقا كەڭچىلىك قىلىپ، ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ شۇ يەردىكى دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ يېنىغا بېرىشىغا رۇخسەت قىلدى. بىز ئۇ يەردىن يەنە يولغا چىقتۇق. قارشى تەرىپىمىزدىن شامال چىققانلىقى ئۈچۈن، سىپرۇس ئارىلىنىڭ شامالغا دالدا تەرىپى بىلەن ماڭدۇق. كىلىكىيە ۋە پامفىلىيە ئۆلكىلىرىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدىن ئۆتۈپ، لىكىيە ئۆلكىسىدىكى مىرا شەھىرىگە كەلدۇق. بىز ئۇ يەردە كېمىدىن چۈشتۇق. يۇلىيۇس ئىسكەندەرىيە شەھىرىدىن ئىتالىيىگە بارىدىغان كېمىنى تېپىپ، بىزنى ئېلىپ ئۇنىڭغا چۈشتى. دېڭىزدىكى سەپىرىمىز ناھايىتى ئاستا بولدى. بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، ناھايىتى تەسلىكتە كىنىدوس شەھىرىنىڭ بويىغا كەلدۇق. شامالغا قارشى ماڭغانلىقىمىز ئۈچۈن، بۇرۇنقى يۆنىلىشىمىز بويىچە ئىلگىرىلىيەلمىدۇق. شۇڭا، كرىت ئارىلىنىڭ شامالغا دالدا تەرىپى بىلەن مېڭىپ، سالمونىي يېرىم ئارىلىدىن ئۆتۈپ، دېڭىز قىرغىقىنى بويلاپ، ناھايىتى تەسلىكتە ئىلگىرىلىدۇق ۋە لاسېيا شەھىرىگە يېقىن بولغان «ئارامگاھ» دەپ ئاتىلىدىغان بىر يەرگە كەلدۇق. سەپىرىمىز خېلى ۋاقىت كەينىگە سۈرۈلۈپ، كۈز پەسلى بولۇپ قالغانىدى. ئونىنچى ئايدىن كېيىن بوران كۆپ بولغانلىقتىن، دېڭىزدا سەپەر قىلىش خەتەرلىك ئىدى. شۇڭا، پاۋلۇس كۆپچىلىككە: - قېرىنداشلار، مېنىڭچە بۇ يەردىن سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇش ناھايىتى خەتەرلىك. مال ۋە كېمە زىيانغا ئۇچراپلا قالماي، ھاياتىمىزنى ساقلاپ قېلىشمۇ تەس! - دەپ ئاگاھلاندۇردى. بىراق، يۈزبېشى يۇلىيۇس بولسا كېمە خوجايىنى بىلەن كېمە باشلىقىنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ، پاۋلۇسنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ يەرمۇ قىشلاپ قېلىشقا مۇۋاپىق جاي ئەمەس ئىدى. شۇڭا، كۆپچىلىك سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇپ، مۇمكىنقەدەر فېنىكس شەھىرىگە يېتىۋېلىپ شۇ يەردە قىشلاشنى قۇۋۋەتلىدى. چۈنكى، كرىت ئارىلىدىكى بۇ ياخشى پورت شەھىرىگە پەقەت شەرقىي جەنۇب ۋە شەرقىي شىمال شامىلى تېگىدىغان بولۇپ، ئۇ شەھەر قىشلاشقا ناھايىتى مۇۋاپىق جاي ئىدى. جەنۇبتىن مەيىن شامال چىقىپ تۇراتتى، كۆپچىلىك ئەسلى پىلان بويىچە ماڭساق بولىدۇ دەپ، دېڭىزدىن لەڭگەرنى چىقىرىپ، كېمىنى ھەيدەپ يولغا چىقتى ۋە كرىت ئارىلىنى بويلاپ ماڭدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئارالدىن قاتتىق شەرقىي شىمال بورىنى چىقىپ كەلدى. كېمە بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقتىن، ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئامالسىز قالدۇق. شۇنىڭ بىلەن، كېمىنى بوراننىڭ ھەيدەپ مېڭىشىغا قويۇپ بەردۇق. كاۋدا دېگەن بىر كىچىك ئارالنىڭ شامالغا دالدا تەرىپىگە ئۆتۈۋېلىپ، قولۋاقنى كېمىگە چىقىرىۋېلىش ئارقىلىق، ئۇنى ناھايىتى تەستە ساقلاپ قالالىدۇق. كېمىچىلەر كېمە پارچىلىنىپ كەتمىسۇن دەپ، كېمىنى ئارغامچا بىلەن سىرتىدىن ئوراپ باغلىۋالدى. كېمىنىڭ لىۋىيە دۆلىتىگە يېقىن يەردە دېڭىز ئاستىدىكى قۇم دۆۋىسىگە پېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، يەلكەنلەرنى چۈشۈرۈپ، كېمىنى مېڭىشىغا قويۇپ بەردى. شىددەتلىك بوران توختىمىغانىدى. ئەتىسى، ئۇلار كېمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، مالنى دېڭىزغا تاشلاشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ئەتىسى كېمىدىكى قورال-سايمانلارنىمۇ دېڭىزغا تاشلىۋەتتى. بىز بىرقانچە كۈنلەرگىچە كۈن ۋە يۇلتۇزلارنىمۇ كۆرەلمىدۇق. بوران-چاپقۇن يەنىلا شىددەتلىك داۋاملىشىۋەردى. ئاخىر، قۇتۇلۇپ قېلىش ئۈمىدىمىزدىنمۇ ۋاز كەچتۇق. كېمىدىكىلەر بىرنەرسە يېمىگىنىگە خېلى كۈنلەر بولغانىدى. پاۋلۇس ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ: - قېرىنداشلار، سىلەر بالدۇرلا مېنىڭ «كرىتتىن يولغا چىقمايلى» دېگەن سۆزۈمنى ئاڭلىغان بولساڭلار، بۇ زىيان-زەخمەتلەرگە ئۇچرىمىغان بولاتتۇق. لېكىن، ئەمدى سىلەرنىڭ غەيرەتلىك بولۇشۇڭلارنى ئۆتۈنىمەن. كېمە غەرق بولغان تەقدىردىمۇ، ھېچقايسىڭلارنىڭ ھاياتى زىيانغا ئۇچرىمايدۇ. چۈنكى، مېنىڭ ئىگەم بولغان ۋە مەن خىزمەت قىلىپ كەلگەن خۇدا تۈنۈگۈن كېچە بىر پەرىشتىسىنى يېنىمغا ئەۋەتتى، پەرىشتە ماڭا: «پاۋلۇس، قورقما! سەن خۇداغا گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن، رىم ئىمپېراتورىنىڭ ئالدىغا بېرىشىڭ كېرەك. مېھرىبان خۇدا دۇئايىڭنى قوبۇل قىلىپ، سەن بىلەن بىللە سەپەر قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزىدۇ!» دېدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەممىڭلار غەيرەتلىك بولۇڭلار، ئىشىنىمەنكى خۇدا ماڭا قىلغان سۆزلىرىنى جەزمەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. بىراق، بىز قىرغاققا ئۇرۇلۇپ كېتىشتىن ساقلىنالمايمىز. سەپىرىمىزنىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى كېچىسى، كېمىمىز تېخىچە ئادرىئاتىك دېڭىزىدا لەيلەپ يۈرەتتى. يېرىم كېچىدە، كېمىچىلەر قۇرۇقلۇققا يېقىنلاپ قالدۇق، دەپ قاراپ، دېڭىزغا ئارغامچا تاشلاپ، سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ئۆلچەپ كۆرگەنىدى، قىرىق مېتىر چىقتى. سەل ئالدىغا مېڭىپ يەنە ئۆلچىۋىدى، ئوتتۇز مېتىر چىقتى. ئۇلار كېمىنىڭ خادا تاشلارغا ئۇرۇلۇپ كېتىشىدىن قورقۇپ، كېمىنى توختىتىش ئۈچۈن كېمىنىڭ كەينىدىن تۆت لەڭگەر تاشلاپ، تاڭ ئېتىشنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈپ تۇردى. كېمىدىن قاچماقچى بولغان كېمىچىلەر كېمىنىڭ بېشىدىنمۇ لەڭگەر تاشلايمىز دەپ باھانە تېپىپ، قولۋاقنى دېڭىزغا چۈشۈردى. لېكىن، پاۋلۇس يۈزبېشى يۇلىيۇس ۋە لەشكەرلەرگە: - بۇ كېمىچىلەر كېمىدە قالمىسا، سىلەر قۇتۇلالمايسىلەر! - دېدى. بۇنىڭ بىلەن، لەشكەرلەر كېمىدىكى قولۋاقنىڭ ئارغامچىسىنى كېسىپ، ئۇنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى. تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغاندا، پاۋلۇس كۆپچىلىكنى بىرئاز غىزالىنىۋېلىشقا چاقىردى. ئۇ: - سىلەرنىڭ غەم-قايغۇ ئىچىدە ئاچ يۈرگىنىڭلارغا ئون تۆت كۈن بولدى. ئەمدى بىرئاز غىزالىنىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. ھايات قېلىشىڭلار ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىش كېرەك. ھېچقايسىڭلارنىڭ بىر تال مويىمۇ زىيانغا ئۇچرىمايدۇ! - دېدى. پاۋلۇس بۇ سۆزنى قىلىپ بولۇپ، قولىغا بىر پارچە ناننى ئېلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ ناننى ئوشتۇپ يېدى. بۇنى كۆرگەن ھەممەيلەن غەيرەتلىنىپ، غىزالىنىشقا باشلىدى. كېمىدە بىز جەمئىي ئىككى يۈز يەتمىش ئالتە كىشى ئىدۇق. ھەممەيلەن قورساقنى تويدۇرغاندىن كېيىن، كېمىچىلەر كېمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، كېمىدىكى بۇغدايلارنىمۇ دېڭىزغا تاشلىۋەتتى. تاڭ ئاتقاندا، كېمىچىلەر قۇرۇقلۇقنى كۆردى. ئۇلار ئۇ يەرنىڭ نەلىكىنى ئېنىق بىلەلمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭدىكى بىر قۇملۇق قولتۇقنى بايقاپ، كېمىنى بىر ئامال قىلىپ شۇ يەردە قۇرۇقلۇققا چىقارماقچى بولدى. ئۇلار ئالدى بىلەن لەڭگەرلەرنىڭ ئارغامچىسىنى كېسىپ، لەڭگەرلەرنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېمىنى يەنە ھەيدەش ئۈچۈن، كېمىنىڭ يۆنىلىشىنى باشقۇرىدىغان ئىككى تاختاينىڭ يىپىنى بوشىتىپ، تاختايلارنى دېڭىزغا چۈشۈرۈۋەتتى. ئاندىن، كېمىنىڭ بېشىدىكى يەلكەننى چىقىرىپ، شامالنىڭ ياردىمى بىلەن كېمىنى قىرغاققا يېقىنلاتتى. لېكىن، كېمە قىرغاققا يەتكۈچە، دېڭىز ئاستىدىكى قۇم دۆۋىسىگە ئۇرۇلۇپ پېتىپ قالدى. كېمىنىڭ بېشى قۇمغا پېتىپ، مىدىرلىيالماي قالدى، كېمىنىڭ ئارقا تەرىپى دولقۇنلارنىڭ زەربىسى بىلەن چۇۋۇلۇپ كېتىشكە باشلىدى. لەشكەرلەر مەھبۇسلارنىڭ سۇغا سەكرەپ قېچىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولدى. لېكىن، پاۋلۇسنى قۇتقۇزۇشنى خالىغان يۈزبېشى لەشكەرلەرنىڭ بۇنداق قىلىشىغا يول قويمىدى. ئۇ ئالدى بىلەن سۇ ئۈزۈشنى بىلىدىغانلارنىڭ سۇغا سەكرەپ قىرغاققا چىقىشىنى، ئاندىن قالغانلارنىڭ كېمىنىڭ چۇۋۇلۇپ كەتكەن تاختايلىرىغا ۋە ياغاچلارغا ئېسىلىۋېلىپ، قىرغاققا چىقىشىنى بۇيرۇدى. شۇنداق قىلىپ، ھەممەيلەن قۇرۇقلۇققا ساق-سالامەت چىقىۋالدى. بىز قۇتۇلۇپ قىرغاققا چىققاندىن كېيىن، ئۇ ئارالنىڭ مالتا ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. ئارال خەلقى بىزگە ئىنتايىن ياخشى مۇئامىلە قىلدى. ئۇ چاغدا، يامغۇر يېغىپ، ھاۋا سوغۇق بولغاچقا، ئۇلار گۈلخان يېقىپ بىزنى كۈتۈۋالدى. پاۋلۇس بىر باغلام ئوتۇن تېرىپ كېلىپ ئوتقا تاشلىۋىدى، ئىسسىقتىن قاچقان بىر زەھەرلىك يىلان ئۇنىڭ قولىغا يېپىشىۋالدى. يەرلىكلەر پاۋلۇسنىڭ قولىغا يېپىشىپ تۇرغان يىلاننى كۆرۈپ، بىر-بىرىگە: - بۇ ئادەم جەزمەن بىر قاتىل! دېڭىزدىن قۇتۇلۇپ چىققان بولسىمۇ، «تەقدىر» ئۇنىڭ ياشىشىغا يول قويمىدى، - دېيىشتى. لېكىن، پاۋلۇس قولىنى سىلكىپ، يىلاننى ئوتنىڭ ئىچىگە ئاتتى، ئۆزى بولسا ھېچقانداق زەخىم يېمىدى. خەلق پاۋلۇسنىڭ بەدىنىنىڭ ئىششىپ كېتىشىنى ياكى ئۇنىڭ تۇيۇقسىز يىقىلىپ ئۆلۈشىنى كۈتەتتى. لېكىن، بىر دەم كۈتۈپ، ئۇنىڭ ھېچنېمە بولمىغانلىقىنى كۆرۈپ، خىيالىنى ئۆزگەرتىپ: - بۇ بىر خۇدا بولسا كېرەك! - دېيىشتى. ئۇ يەردىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا، ئارال باشلىقى پۇبلىيۇسنىڭ بىر پارچە يېرى بار ئىدى. ئۇ بىزنى ئۆيىگە باشلاپ، چىن كۆڭلى بىلەن ئۈچ كۈن كۈتتى. ئۇ چاغدا، پۇبلىيۇسنىڭ ئاتىسى تولغاق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، قىزىتمىسى ئۆرلەپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغانىكەن. پاۋلۇس ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ، دۇئا قىلىپ ئۇچىسىغا قولىنى تەگكۈزۈپ، ساقايتىپ قويدى. بۇنىڭ بىلەن، ئارالدىكى كېسەللەرنىڭ ھەممىسى پاۋلۇسنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ ساقىيىپ قايتىشتى. ئۇلار بىزنى ھۆرمەتلەپ، نۇرغۇن سوۋغاتلارنى ئەكېلىشتى. ئۈچ ئايدىن كېيىن، بۇ يەردىن كېتىدىغان ۋاقتىمىزدا، بىزنى يولدا لازىملىق نەرسە-كېرەكلەر بىلەن تەمىنلىدى. مالتا ئارىلىدا ئىسكەندەرىيىدىن كەلگەن، بېشىغا رىملىقلارنىڭ قوشكېزەك خۇدالىرى كاستور بىلەن پوللۇكسنىڭ نەقىشلىرى ئويۇلغان بىر كېمە قىشلىغانىدى. قىش پەسلىدىن كېيىن، بىز بۇ كېمە بىلەن يولغا چىقتۇق. سىراكوزا شەھىرىگە كېلىپ، ئۇ يەردە ئۈچ كۈن تۇردۇق. ئاندىن سەپىرىمىزنى يەنە داۋاملاشتۇرۇپ، ئىتالىيىدىكى رېگىيۇم شەھىرىگە كەلدۇق. ئەتىسى، جەنۇبتىن چىققان شامالنىڭ ياردىمى بىلەن ئىككى كۈندە پۇتېيولى شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق. ئۇ يەردە ئۇچراتقان ئېتىقادچىلارنىڭ تەكلىپى بىلەن بىر ھەپتە تۇردۇق. ئاندىن، رىم شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتۇق. رىمغا كېلىۋاتقانلىقىمىزدىن خەۋەر تاپقان رىمدىكى ئېتىقادچىلار بىزنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن رىمدىن چىقىپ، ئەللىك نەچچە چاقىرىم يول بېسىپ، بەزىلىرى «ئۈچ ساراي» دېگەن يەرگىچە ۋە بەزىلىرى تېخىمۇ يىراق يول مېڭىپ، ئاپىيۇس بازىرىغىچە كەلگەنىدى. ئۇلارنى كۆرگەن پاۋلۇس خۇداغا رەھمەت ئېيتىپ، تېخىمۇ غەيرەتلەندى. رىم شەھىرىگە كىرگىنىمىزدە، پاۋلۇسنىڭ بىرلا كۆزەتكۈچى لەشكەر بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىندى. ئۈچ كۈندىن كېيىن، پاۋلۇس ئۇ يەردىكى يەھۇدىيلارنىڭ كاتتىۋاشلىرىنى ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىلدى. ئۇلار كەلگەندە، پاۋلۇس مۇنداق دېدى: - قېرىنداشلار! مەن خەلقىمىزگە ياكى ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان ئەنئەنىلەرگە قارشى ھېچقانداق ئىش قىلمىغان بولساممۇ، يېرۇسالېمدا يە ۇدىيلار تەرىپىدىن سولاققا تۇتۇلۇپ، رىملىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدۇم. رىملىقلار مېنى سوراققا تارتقاندىن كېيىن، قويۇۋەتمەكچى بولدى. چۈنكى، مەندە ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە تېگىشلىك بىرەر جىنايەت يوق ئىدى. لېكىن، يەھۇدىيلار بۇنىڭغا قارشىلىق بىلدۈرگەچكە، گەرچە ئۆز خەلقىم ئۈستىدىن بىرەر شىكايىتىم بولمىسىمۇ، رىم ئىمپېراتورىغا ئەرز قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. شۇ سەۋەبتىن، مەن ھەربىرىڭلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈش ۋە بۇ ھەقتە سۆزلىشىش ئۈچۈن، سىلەرنى بۇ يەرگە تەكلىپ قىلدىم. شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، خەلقىمىز كۈتۈپ كەلگەن قۇتقۇزغۇچىغا ئىشەنگەنلىكىم ئۈچۈنلا، بۇ زەنجىر بىلەن باغلىنىپ، تۇتقۇن بولۇپ قالدىم. ئۇلار پاۋلۇسقا: - يەھۇدىيىدىن سەن توغرۇلۇق خەت ئالمىدۇق. ئۇ يەردىن كەلگەن قېرىنداشلارنىڭ ھېچقايسىسىمۇ سەن توغرۇلۇق بىرەر يامان خەۋەر ئەكەلمىدى ياكى يامان گېپىڭنى قىلمىدى. لېكىن، سېنىڭ پىكىرلىرىڭنى ئاڭلاپ باقماقچىمىز. چۈنكى، سەن تەئەللۇق بولغان بۇ ئېقىمنىڭ ھەممە يەردە قارشىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىدىن خەۋىرىمىز بار! - دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار پاۋلۇس بىلەن كۆرۈشۈشكە بىر كۈننى بەلگىلىدى. ئۇ كۈنى، پاۋلۇسنىڭ تۇرغان يېرىگە تېخىمۇ كۆپ كىشى كەلگەنىدى. پاۋلۇس ئەتىگەندىن كەچكىچە ئۇلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بېرىپ، تەۋرات ھەم پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ يەھۇدىيلار كۈتۈپ كەلگەن قۇتقۇزغۇچى ئىكەنلىكىگە قايىل قىلىشقا تىرىشتى. ئۇنىڭ سۆزلىرىگە بەزىلەر ئىشەندى، بەزىلەر ئىشەنمىدى. ئۇلار ئۆزئارا كېلىشەلمەي، قايتماقچى بولغاندا، پاۋلۇس ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - مۇقەددەس روھنىڭ ئەجدادلىرىڭلارغا ئېيتقان سۆزلىرى سىلەرگىمۇ توغرا كېلىدۇ! مۇقەددەس روھ يەشايا پەيغەمبەرگە مۇنداق دېگەنىدى: «بېرىپ بۇ خەلققە مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئېيتقىن: ˜سۆزلىرىمنى ئاڭلايسىلەر، ئاڭلايسىلەر، چۈشەنمەيسىلەر. قىلغانلىرىمغا قارايسىلەر، قارايسىلەر، مەنىسىنى ئۇقمايسىلەر. چۈنكى، بۇ خەلقنىڭ زېھنى زەئىپلەشكەن. ئۇلار قۇلاقلىرىنى ئېتىۋالغان، كۆزلىرىنىمۇ يۇمۇۋالغان. ئۇنداق بولمىسىدى، كۆزلىرى كۆرەتتى، قۇلاقلىرىمۇ ئاڭلايتتى، زېھنى ئويغىنىپ، ماڭا قايتاتتى. مەنمۇ ئۇلارنى ساقايتاتتىم.Œ» پاۋلۇس ئۆزى ئىجارىگە ئالغان ئۆيدە ئىككى يىل تۇردى ۋە بۇ يەردە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە كەلگەن ھەممە كىشىلەرنى قوبۇل قىلىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يۈرەكلىك تارقىتىپ، رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە دائىر ھەقىقەتلەرنىمۇ يەتكۈزدى، ئۇنىڭغا ھېچكىم توسقۇنلۇق قىلمىدى. ئەلچى بولۇشقا چاقىرىلىپ، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى تارقىتىشقا تاللانغان، ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن سالام! بۇ خۇش خەۋەرنى خۇدا ئەلمىساقتا ئۆز پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق مۇقەددەس يازمىلاردا ۋەدە قىلغانىدى. بۇ خۇش خەۋەر خۇدانىڭ ئۆز ئوغلى، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىدۇر. جىسمانىي جەھەتتىن، ئەيسا مەسىھ داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادىدىن تۇغۇلغان. لېكىن روھىي جەھەتتىن، ئۇنىڭ خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكى ئۇنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلۈشى ئارقىلىق زور قۇدرەت بىلەن ئىسپاتلانغان. خۇدا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، مېنى ئەلچىلىككە تاللىدى. شۇڭا، مەن ھەر مىللەت كىشىلىرىنى خۇداغا ئىتائەت قىلسۇن دەپ، ئۇلارنى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشقا چاقىرىمەن. بۇ، ئەيسا مەسىھنىڭ نامىغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈش ئۈچۈندۇر. ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان سىلەرمۇ خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغانلار قاتارىدىسىلەر. مەن بۇ خەتنى ھەممىڭلارغا، يەنى خۇدا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن ۋە ئۇ مۇقەددەس خەلقىم، دەپ چاقىرغان سىلەر رىملىقلارغا يېزىۋاتىمەن. خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي! ئالدى بىلەن ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھەممىڭلار ئۈچۈن خۇداغا شۈكۈر ئېيتىمەن. چۈنكى، ئېتىقادىڭلار دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە سۆزلەنمەكتە. چۈنكى، سىلەرگە ئېتىقادىڭلارنى مۇستەھكەملەشتە بىرەر ياردەم بېرىش ئۈچۈن، سىلەر بىلەن كۆرۈشۈشنى ئىنتايىن ئارزۇ قىلىمەن. دېمەك، مەن ئاراڭلاردا بولسام، بىر-بىرىمىزنىڭ ئېتىقادىدىن ئۆزئارا ئىلھام ئالالايمىز. قېرىنداشلار، شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، مەن يېنىڭلارغا بېرىشنى كۆپ قېتىم پىلانلىغان بولساممۇ، لېكىن بۈگۈنگىچە توسالغۇغا ئۇچراپ كەلدىم. ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش يولىدا باشقا يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىدا ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكىنىمدەك، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىمۇ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلدىم. چۈنكى، مەن ھەرقانداق ئادەمگە، مەيلى ئۇ مەدەنىيەتلىك ياكى مەدەنىيەتسىز بولسۇن، بىلىملىك ياكى بىلىمسىز بولسۇن، ھەممىسىگە بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە قەرزدارمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر رىملىقلارغىمۇ بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە تەشنامەن. بۇ خۇش خەۋەردىن نومۇس قىلمايمەن. چۈنكى، بۇ خۇش خەۋەر ئارقىلىق خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئايان بولۇپ، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان ھەر بىر كىشى قۇتقۇزۇلىدۇ. بۇ خۇش خەۋەر ئاۋۋال يەھۇدىيلارغا، كېيىن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە تارقىتىلغان. بۇ خۇش خەۋەردە خۇدانىڭ ئىنسانلارنى نېمىگە ئاساسەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلايدىغانلىقى ئاشكارىلانغان. بۇنداق جاكارلاش باشتىن-ئاخىر ئېتىقادقا ئاساسلانغاندۇر. بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «ئادەم ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىپ، ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ.» خۇدا ئەرشتىن ئادەملەرنىڭ بارلىق گۇناھكارلىق ۋە يامانلىقلىرىغا قارشى ئۆز غەزىپىنى بىلدۈردى. سەۋەبى، ئۇلار ئادالەتسىز ئىشلىرى ئارقىلىق خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى بىلىشنى توسۇۋاتىدۇ. ئۇلار خالىغان بولسىدى، خۇدانى بىلەلەيتتى. چۈنكى، خۇدا توغرىسىدىكى ئىشلار ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرۇپتۇ. خۇدا بۇلارنى ئۇلارغا ئوچۇق كۆرسىتىپ بەرگەن. دۇنيا يارىتىلغاندىن بېرى، خۇدانىڭ كۆزگە كۆرۈنمەس ئۆزگىچىلىكلىرى، يەنى ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك قۇدرىتى ۋە بىردىنبىر خۇدا ئىكەنلىكى ئۆزى ياراتقان مەۋجۇداتلار ئارقىلىق ئوچۇق كۆرسىتىلمەكتە. شۇ سەۋەبتىن، ئىنسانلار خۇدانى بىلمەيمىز، دەپ باھانە كۆرسىتەلمەيدۇ. لېكىن، ئىنسانلار خۇدانى بىلسىمۇ، ئۇنى خۇدا، دەپ ئۇلۇغلىمىدى ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر ئېيتمىدى. ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ خۇدا توغرىسىدىكى ئوي-پىكىرلىرى بىمەنە بولۇپ، نادان قەلبى قاراڭغۇلۇققا تولدى. گەرچە ئۇلار ئۆزلىرىنى ئەقىللىق ھېسابلىسىمۇ، لېكىن ئەقىلسىز بولۇپ چىقتى. ئۇلار مەڭگۈ ھايات بولغان شانۇشەۋكەتلىك خۇداغا ئىبادەت قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئادەمزاتقا، قۇشلارغا، تۆت پۇتلۇق ۋە يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلارغا ئوخشايدىغان بۇتلارغا چوقۇندى. شۇ سەۋەبتىن، خۇدا ئۇلارنى قەلبىدىكى شەھۋانىي ھەۋەسلىرىگە قويۇپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ھەر خىل ناپاكلىقلارنى قىلدى. ھەتتا بىر-بىرىنىڭ تەنلىرىنى بۇلغاشقا باشلىدى. خۇدا توغرىسىدىكى ھەقىقەتلەرگە ئىشىنىشنىڭ ئورنىغا، يالغان گەپلەرگە ئىشىنىشكە باشلىدى. ياراتقۇچى خۇداغا ئىتائەت قىلىشنىڭ ئورنىغا، يارىتىلغان نەرسىلەرگە چوقۇنۇپ، شۇلارنى مەدھىيىلىدى. ھالبۇكى، پۈتكۈل مەۋجۇدات تەرىپىدىن مەڭگۈ مەدھىيىلىنىشكە لايىق بولغىنى ياراتقۇچىمىز خۇدادۇر، ئامىن! مانا شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ پەسكەش ھەۋەسلىرىگە قويۇپ بەردى. ئاياللار تەبىئىي جىنسىي مۇناسىۋەتنى تەبىئىي بولمىغان مۇناسىۋەتكە، يەنى ئوخشاش جىنسلىقلار مۇناسىۋىتىگە ئايلاندۇردى. خۇددى شۇنىڭدەك، ئەرلەرمۇ ئاياللار بىلەن بولىدىغان تەبىئىي جىنسىي مۇناسىۋەتنى تاشلاپ، باشقا ئەرلەرگە شەھۋانىي ھەۋەسلەر بىلەن كۆيۈپ پىشىدىغان بولدى. ئەرلەر ئەرلەر بىلەن شەرمەندە جىنسىي مۇناسىۋەتلەرگە كىرىشتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۆز تەنلىرىدە بۇ قىلمىشلىرىغا لايىق جازانى تارتتى. ئۇلار خۇدانى بىلىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارنى يامان نىيەتلىرىگە قويۇپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىلماسلىقى كېرەك بولغان ئىشلارنى قىلىشقا كىرىشتى. ئۇلارنىڭ ھاياتى ھەر خىل رەزىللىك، يامانلىق، ئاچكۆزلۈك، ئۆچمەنلىك، ھەسەتخورلۇق، قاتىللىق، ئۇرۇشقاقلىق، ھىيلىگەرلىك، سۇيىقەست ۋە ئىغۋاگەرچىلىك بىلەن تولدى. ئۇلار تۆھمەتخور، خۇداغا نەپرەتلىنىدىغان، زوراۋانلىق قىلىدىغان، تەكەببۇر، ماختانچاق، ھەر خىل ئەسكىلىكلەرنى ئويلاپ چىقىرىدىغان، ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدىغان، نادان، ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان، كۆيۈمسىز ۋە رەھىمسىز ئىنسانلاردۇر. ئۇلار خۇدانىڭ بۇنداق ئىشلارنى قىلغانلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، بۇ ئەسكىلىكلەرنى ئۆزلىرى قىلىپلا قالماي، باشقىلارنىڭمۇ شۇنداق قىلىشىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ. شۇڭا، سەن بۇنداق رەزىل ئىشلارنى قىلغۇچىلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىشىڭ مۇمكىن. بىراق ئەي بۇرادەر، سەنمۇ بۇنداق ئىشلارنى قىلىۋاتىسەنغۇ! ئۇنداقتا، سېنىڭ كىم بولۇشۇڭدىن قەتئىينەزەر، خۇدا سوراق قىلىدىغان ئاشۇ كۈندە ئۆزۈڭنى ئاقلاشقا باھانە كۆرسىتەلمەيسەن. چۈنكى، باشقىلار ئۈستىدىن مۇنداق ئىشلاردا ھۆكۈم قىلساڭ، ئۆز ئۈستۈڭدىمۇ شۇ ئىشلاردىن ھۆكۈم قىلغان بولىسەن. بىزگە مەلۇمكى، خۇدانىڭ بۇنداق ئىشلارنى قىلغانلار ئۈستىدىن چىقارغان ھۆكۈمى ھەقتۇر. بىراق ئەي بۇرادەر، سەنمۇ بۇنداق ئىشلارنى قىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا باشقىلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلساڭ، خۇدانىڭ ھۆكۈمىدىن قاچالايمەن، دەپ ئويلامسەن؟ خۇدانىڭ ساڭا كۆرسەتكەن چوڭقۇر مېھرىبانلىقى، كەڭچىلىكى ۋە مول سەۋر-تاقىتىنى سەل چاغلاۋاتامسەن؟ ئۇنىڭ ساڭا مېھرىبانلىق كۆرسىتىشتىكى مەقسىتىنىڭ سېنى توۋا قىلىدىغان يولغا باشلاش ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟ گۇناھىڭغا توۋا قىلماي، جاھىللىق قىلىشىڭ بىلەن خۇدانىڭ غەزىپىنى تېخىمۇ قوزغايسەن. خۇدا غەزەپكە كېلىپ، ئۆزىنىڭ ئادىل ھۆكۈمىنى يۈرگۈزىدىغان كۈنى، سەن ئۆز بېشىڭغا ئۆزۈڭ چىققان بولىسەن. خۇدا ھەركىمنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ ئىش كۆرىدۇ، ھەمىشە سەۋرچانلىق بىلەن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ، خۇدادىن شان-شەرەپ، ھۆرمەت-ئېھتىرام ۋە ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقىنى ئىزدىگەنلەرگە ئۇ مەڭگۈلۈك ھايات بېرىدۇ. لېكىن، ھەقىقەتنى رەت قىلىپ، يامانلىققا ئەگەشكەن شەخسىيەتچىلەرگە ئۇ غەزەپ-نەپرەت ياغدۇرىدۇ. خۇدا بارلىق يامانلىق قىلغۇچىلارغا، بولۇپمۇ ئالدى بىلەن ئۆز خەلقى بولغان يەھۇدىيلارغا، ئاندىن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە ئوخشاشلا ئېغىر كۈنلەر ۋە دەرد-ئەلەم كەلتۈرىدۇ. بىراق، بارلىق ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا، ئالدى بىلەن يەھۇدىيلارغا، ئاندىن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە ئوخشاشلا شان-شەرەپ، ھۆرمەت-ئېھتىرام ۋە ئامان-ئېسەنلىك ئاتا قىلىدۇ. چۈنكى، خۇدا ھەممە ئىنسانلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ. تەۋرات قانۇنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە چۈشۈرۈلمىگەنلىكتىن، ئۇلار ئۇنى بىلمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئۇلار گۇناھ سادىر قىلسا، سوراققا تارتىلىدۇ. تەۋرات قانۇنى چۈشۈرۈلگەن يەھۇدىيلار بولسا ئۇنى پۇختا بىلىدۇ. لېكىن، ئۇلارمۇ گۇناھ سادىر قىلسا، ئوخشاشلا سوراققا تارتىلىدۇ. چۈنكى، خۇدانىڭ ئالدىدا قانۇننى بىلگەنلەر ئەمەس، بەلكى قانۇننىڭ بارلىق ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغانلار ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىدۇ. (تەۋرات قانۇنىنى بىلمەيدىغان يەھۇدىي ئەمەسلەر تەبىئىي ھالدا بۇ قانۇنغا ئۇيغۇن ئىشلارنى قىلسا، ئۇلار گەرچە بۇ قانۇندىن خەۋەرسىز بولسىمۇ، بۇ قانۇن ئۇلارنىڭ ئۆز قانۇنىدەك بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئۆز قەلبىدە نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلەلىشى بۇ قانۇننىڭ ئەمرلىرى قەلبىگە پۈتۈكلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ۋىجدانىمۇ بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ۋىجدانى ئۇلار خاتالىق ئۆتكۈزگەندە ئۇلارنى ئەيىبلەيدۇ، توغرا قىلغاندا بولسا ئۇلارنى ئاقلايدۇ.) مەن يەتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بۇ خۇش خەۋەر بويىچە، خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ يوشۇرۇن ئىشلىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدىغان كۈنىدە، يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىشلار چوقۇم يۈز بېرىدۇ. ئۇنداقتا سەنچۇ، سەن ئۆزۈڭنى يەھۇدىي دەيسەن ۋە تەۋرات قانۇنىغا ئىگە بولغانلىقىڭ ئۈچۈن، مەن خۇدا بىلەن يېقىن، دەپ ماختىنىسەن. ساڭا تەۋرات قانۇنى ئۆگىتىلگەنلىكتىن خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلىسەن ھەم ھەق بىلەن ناھەقنى پەرق ئېتەلەيسەن. سەن باشقىلارغا خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرىپ تۇرۇپ، ئۆزۈڭگە بەرمەمسەن؟ باشقىلارغا ئوغرىلىق قىلما دەپ تۇرۇپ، ئۆزۈڭ ئوغرىلىق قىلامسەن؟ باشقىلارغا زىنا قىلما دەپ تۇرۇپ، ئۆزۈڭ زىنا قىلامسەن؟ بۇتلاردىن بىزار بولۇپ تۇرۇپ، ئۆزۈڭ بۇتخانىلاردىكى نەرسىلەرنى ئوغرىلامسەن؟ بىز يەھۇدىيلار تەۋرات قانۇنىغا ئىگە بولدۇق، دەپ ماختىنىپ تۇرۇپ، ئۆزۈڭ دەل شۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، خۇدانىڭ نامىغا داغ كەلتۈرەمسەن؟ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا دېيىلگىنىدەك: «سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن يەھۇدىي ئەمەسلەر خۇداغا كۇپۇرلۇق قىلماقتا.» تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلساڭ، خەتنە قىلىنغىنىڭنىڭ ئەھمىيىتى بولىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلساڭ، خەتنە قىلىنغىنىڭنىڭ قىلچىلىكمۇ ئەھمىيىتى بولمايدۇ، خەتنە قىلىنمىغان ئادەمدىن ھېچ پەرقىڭ قالمايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، خەتنە قىلىنمىغان يەھۇدىي ئەمەسلەر قانۇننىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلسا، خۇدا تەرىپىدىن يەنىلا خەتنە قىلىنغان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سەن تەۋرات قانۇنىدىن خەۋەردار ھەم خەتنە قىلىنغان تۇرۇقلۇق، شۇ قانۇنغا ئەمەل قىلمىساڭ، جىسمانىي جەھەتتە خەتنە قىلىنمىغان، لېكىن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىدىغان يەھۇدىي ئەمەسلەر سېنى گۇناھكار، دەپ ئەيىبلىمەمدۇ؟ پەقەت سىرتقى كۆرۈنۈشتە يەھۇدىي بولغاننىڭ ھەممىسىنىلا ھەقىقىي يەھۇدىي دېگىلى بولمايدۇ. پەقەت جىسمانىي جەھەتتە خەتنە قىلىنىشىغا قاراپلا، ئۇنى ھەقىقىي خەتنە دېگىلى بولمايدۇ. قەلبىدە خۇدانىڭ يولىنى تۇتقان ئادەم ھەقىقىي يەھۇدىيدۇر. ئۇنىڭ ھەقىقىي خەتنىسى يازما قانۇنغا ئېسىلىۋېلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلگەن قەلب ئارقىلىق بولىدۇ. بۇنداق ئادەم ئىنسانلار تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدا تەرىپىدىن ماختىلىشقا سازاۋەر بولىدۇ. ئۇنداقتا، يەھۇدىيلارنىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەردىن نېمە ئارتۇقچىلىقى بار، ياكى خەتنە قىلىنىشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟ ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ ھەر جەھەتتىن كۆپ ئارتۇقچىلىقى بار. بىرىنچىدىن، خۇدانىڭ سۆزى يەھۇدىيلارغا ئامانەت قىلىنغان. بەزى يەھۇدىيلار خۇداغا ساداقەتسىزلىك قىلدىمۇ دەيلى. ئۇنداقتا، ئۇلارنىڭ ساداقەتسىزلىكى سەۋەبىدىن خۇدا ئۆزىنىڭ ئۇلارغا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمامدۇ؟ ياق، ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ! ھەممە ئىنسان يالغانچى بولغان تەقدىردىمۇ، خۇدا يەنىلا راستچىلدۇر. بۇ ھەقتە زەبۇردا مۇنداق دېيىلگەن: «سۆزلىگىنىڭدە ئادىل بولۇپ ئىسپاتلىنىسەن، ئەيىبلىنىشكە ئۇچرىغىنىڭدا غەلىبە قىلىسەن.» لېكىن، بىز يەھۇدىيلارنىڭ ئادالەتسىزلىكى خۇدانىڭ ئادىللىقىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەرسە، بۇنىڭغا نېمە دەيمىز؟ خۇدا بىزنى جازالىسا، ئۇنى ئادىل ئەمەس، دېسەك بولامدۇ؟ (بەزىلەر شۇنداق دەپ، ئويلاپ يۈرىدىكەن!) ياق، مۇنداق دېيىشكە ھەرگىز بولمايدۇ! ئەگەر خۇدا بىز يەھۇدىيلارنى ئادىللىق بىلەن جازالىمايدىغان بولسا، قىيامەتتە قانداقمۇ دۇنيا ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرالايدۇ؟ لېكىن، بەزىلەر: «مېنىڭ ساداقەتسىزلىكىم خۇدانىڭ راستچىللىقىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى يورۇتۇپ بەرسە، مەن يەنە نېمە ئۈچۈن گۇناھكار، دەپ قارىلىپ سوراققا تارتىلىمەن؟» دېيىشى مۇمكىن. ئەگەر شۇنداق بولسا، «يامانلىق قىلايلى، بۇنىڭدىن ياخشىلىق چىقىدۇ!» دېگەن مەنە كېلىپ چىقمامدۇ؟ بەزىلەر بىزنى مۇشۇنداق دېدى، دەپ تۆھمەت قىلىدۇ. مۇنداق تۆھمەت قىلغانلارنىڭ جازاغا تارتىلىشى ھەقلىقتۇر. ئۇنداقتا، خۇدانىڭ سوراق قىلىدىغان كۈنىدە بىز يەھۇدىيلار يەھۇدىي ئەمەسلەردىن ئۈستۈن تۇرامدۇق؟ ياق، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! چۈنكى، مەن ھەممىمىزنىڭ، مەيلى يەھۇدىي بولايلى ياكى بولمايلى، گۇناھنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىمىزنى يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتتۈم. مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «ھەققانىي ئادەم يوقتۇر، ھەتتا بىرىمۇ، ھەق-ناھەقنى چۈشىنىدىغىنىمۇ يوقتۇر. خۇدانى ئىزدەيدىغىنىمۇ ھەم. چەتنىدى ھەممە ئادەم خۇدا يولىدىن، قالدى كىرىپ تۇيۇق يولغا. ياخشىلىق قىلغۇچى يوقتۇر، ھەتتا بىرىمۇ.» «ئېغىزلىرىدىكى گەپ ئوچۇق قەبرىدەك سېسىق، كاززاپلىق قىلىدۇ ھەم تىللىرى. لەۋلىرى خۇددى يىلاننىڭ زەھەرخەندىسى.» «زۇۋانى لەنەت ۋە زەردىگە تولغان.» «ئۇلار ئالدىرايدۇ قان تۆكۈشكە، قىلىدۇ بارغانلا يېرىدە ۋەيرانچىلىق ۋە پاجىئە. يوقتۇر خەۋىرى ئامانلىق يولىدىن قىلچە.» «بىلمەيدۇ خۇدادىن ھەم قورقۇشنى.» مۇقەددەس يازمىلاردىكى بۇ ئايەتلەرنىڭ تەۋرات قانۇنى ئاستىدا ياشايدىغان يەھۇدىيلارغا قارىتا ئېيتىلغانلىقىنى بىلىمىز. شۇنداق بولغاندا، يەھۇدىيلار ھەم يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ باھانە كۆرسىتىدىغان ئېغىزلىرى تۇۋاقلىنىدۇ ۋە پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنسانلار خۇدانىڭ ھۆكۈمى ئاستىدا تۇرىدۇ. دېمەك، ھەرقانداق كىشى خۇدانىڭ ئالدىدا تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانمايدۇ. بەلكى، شۇ قانۇنغا تولۇق ئەمەل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۆزىنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. لېكىن، ھازىر خۇدانىڭ قانداق يول بىلەن ئىنسانلارنى ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلايدىغانلىقى ئوچۇق ئاشكارىلاندى. بۇ، تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا باغلىق ئەمەس. بۇنىڭغا تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىماتلىرىمۇ گۇۋاھلىق بەرگەن. خۇدا ئادەملەرنى ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادى ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلايدۇ. خۇدا ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان ھەممە ئادەمگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ، بۇ يەردە ئايرىمىچىلىق يوقتۇر. چۈنكى، ھەممە ئادەم گۇناھ سادىر قىلىپ، خۇدانىڭ ئىنسانلارنى ياراتقاندا ئاتا قىلغان شان-شەرىپىدىن مەھرۇم قالغان. لېكىن، خۇدا بىزگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، بىزنى بەدەلسىز ھالدا ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىدى. بۇ، ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. چۈنكى، ئۇ بىزنى گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد قىلدى. خۇدا ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن، ئۇلارنى جازالاشنىڭ ئورنىغا، ئەيسا مەسىھنى قۇربان بولۇشقا ئەۋەتىپ بەردى. ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتە ئاققۇزغان قېنى ئارقىلىقلا، خۇدا ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلارنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى. خۇدا ئەيسا مەسىھنى قۇربان بولۇشقا ئەۋەتىش بىلەن، ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى زاماندىكى كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىغا سەۋر-تاقەتلىك بولۇپ، ئۇلارنى دەرھال جازالىمىغانلىقىنىڭ ئادىللىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. چۈنكى، ئەيسا مەسىھ ئۇلارنىڭمۇ گۇناھلىرى ئۈچۈن قۇربان بولدى. مانا ھازىرمۇ خۇدا يەنە ئۆزىنىڭ ئادىللىقىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. چۈنكى، ئىنسانلار گۇناھكار بولسىمۇ، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلىقى ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارنى يەنىلا ئادىللىق بىلەن كەچۈرىدۇ. شۇنداق ئىكەن، بىز تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش بىلەن خۇدا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندۇق، دەپ ماختىنىمىزمۇ؟ ياق! بىزنىڭ ماختىنىشىمىزنىڭ ئورنى يوق. نېمە سەۋەبتىن؟ چۈنكى، ئىنسانلار تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىقلا كەچۈرۈمگە ئېرىشىدۇ. دېمەك، خۇدانىڭ بىزنى تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشىمىز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشىمىز بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. سىلەر خۇدا پەقەت تەۋرات قانۇنىغا ئىگە بولغان يەھۇدىيلارنىلا قوبۇل قىلىدۇ، دەپ ئويلامسىلەر؟ ياق، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! ئۇ يەھۇدىي ئەمەسلەرنىمۇ قوبۇل قىلىدۇ. چۈنكى، خۇدا بىردۇر. ئۇ خەتنە قىلىنغان يەھۇدىيلارنى، شۇنداقلا خەتنە قىلىنمىغان يەھۇدىي ئەمەسلەرنىمۇ بىرلا يول بىلەن، يەنى ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادى بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلايدۇ. ئۇنداقتا، بىز ئېتىقادىمىز ئارقىلىق تەۋرات قانۇنىنى بىكار قىلامدۇق؟ ياق، دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، بىز ئېتىقادىمىز ئارقىلىق تەۋرات قانۇنىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايمىز. ئۇنداقتا، بىز يەھۇدىي ئەۋلادلىرى ئاتىمىز ئىبراھىمنىڭ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغانلىقىدىن نېمىلەرنى بىلىۋېلىشىمىز كېرەك؟ ئەگەر ئىبراھىم ياخشى ئەمەللىرى ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان بولسا، ئۇنىڭ ماختىنىشقا ھەققى بولاتتى. لېكىن، خۇدانىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ ماختىنىشقا ھەققى يوق. چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دېيىلگەن: «ئىبراھىم خۇدانىڭ سۆزلىرىگە ئىشەندى. خۇدا ئۇنىڭ ئېتىقادىنى كۆرۈپ، ئۇنى ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىدى.» ئەمگەك قىلغۇچىنىڭ ئالغىنى سوۋغات ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئېرىشىشكە تېگىشلىك ھەققى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، بىر ئادەم خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان بولسا، بۇ ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئېتىقادىدىن بولغان. چۈنكى، بۇ ئادەم گۇناھكارلارنى ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىغۇچى خۇداغا ئېتىقاد قىلىدۇ. داۋۇت پادىشاھمۇ خۇدا بىر ئادەمدە ياخشى ئەمەللەرنىڭ بار-يوقلۇقىغا قارىماستىن ئۇنى ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىسا، ئۇ ئادەمنىڭ نەقەدەر بەختلىك بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دېگەن: «سەۋەنلىكلىرى كەچۈرۈم قىلىنغان، گۇناھلىرى ئەپۇ قىلىنغانلار نەقەدەر بەختلىك! پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ھېسابلىمىسا، ئۇلار نەقەدەر بەختلىك!» بۇنىڭدىن قارىغاندا، بۇ بەخت يالغۇز خەتنە قىلىنغانلار، يەنى يەھۇدىيلارغىلا مەنسۇپمۇ؟ ياق، ئۇنداق ئەمەس. ئۇ، خەتنە قىلىنمىغان، يەنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ مەنسۇپتۇر. چۈنكى، بىز ئېيتقاندەك: «خۇدا ئىبراھىمنىڭ ئېتىقادىنى كۆرۈپ ئۇنى ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىدى.» بۇ ئىش قاچان بولغان؟ خۇدا ئىبراھىمنى ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىغان چاغدا، ئىبراھىم خەتنە قىلىنغانمۇ ياكى قىلىنمىغان؟ بۇ ئىشلار ئىبراھىم تېخى خەتنە قىلىنمىغان ۋاقىتتا بولغانىدى. ئۇنىڭ خەتنە قىلىنىشى كېيىن بولدى. بۇ، ئۇنىڭ خۇدا تەرىپىدىن ئاللىقاچان قوبۇل قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئىبراھىمنىڭ بۇرۇنلا ئېتىقادى بار بولۇپ، خەتنە پەقەت ئۇنىڭ ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلانغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولدى. بۇنىڭ بىلەن، ئىبراھىم خەتنە قىلىنمىغان، لېكىن خۇداغا ئېتىقاد قىلىپ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئاتىسى بولدى. ئەگەر خەتنە قىلىنغانلار، يەنى يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنىڭ خەتنە قىلىنغانلىقىغا تايانماي، ئەجدادىمىز ئىبراھىمغا ئوخشاش، ئۇنىڭ خەتنە قىلىنمىغان ۋاقتىدىكى ئېتىقادى بويىچە ياشىسا، ئىبراھىم ئۇلارنىڭمۇ ئاتىسى بولىدۇ. خۇدا ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئۇلارنىڭ بۇ دۇنياغا ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەنىدى. بۇ، ئۇلارنىڭ تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ خۇداغا ئېتىقاد قىلىپ، ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغانلىقىدىن بولغان. ئەگەر تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق خۇدانىڭ ۋەدىلىرىگە ئېرىشكىلى بولسىدى، ئۇ چاغدا ئېتىقادنىڭ ھېچقانداق قىممىتى قالمىغان، خۇدانىڭ ۋەدىسىنىڭمۇ ئەھمىيىتى بولمىغان بولاتتى. تەۋرات قانۇنى بۇ قانۇننىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا ئەمەل قىلمىغانلارغا خۇدانىڭ غەزىپىنى ئېلىپ كېلىدۇ. قانۇن بولمىسا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشمۇ بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئېتىقادىمىز ئارقىلىق خۇدانىڭ بىزگە ۋەدە قىلغان بەخت-سائادىتىگە ئېرىشىمىز. بۇ، بىز ئېرىشىشكە تېگىشلىك ھەق ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن كەلگەن. بۇ ۋەدە ئىبراھىمنىڭ پۈتكۈل ئەۋلادلىرى، يەنى ئىبراھىمغا ئوخشاش ئېتىقاد يولىدا ماڭغانلار ئۈچۈن بېرىلگەندۇر. مەيلى ئۇلار يەھۇدىي ئەمەسلەر بولسۇن ياكى تەۋرات قانۇنىدىكى قائىدىلەر بويىچە ياشايدىغان يەھۇدىيلار بولسۇن، بۇ ۋەدە ھەممىسىنىڭ بۇ بەخت-سائادەتكە ئېرىشىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. چۈنكى، ئىبراھىم بارلىق ئېتىقادچىلارنىڭ ئاتىسىدۇر. بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدا ئىبراھىمغا: «سېنى نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئاتىسى قىلدىم» دەپ ئېيتقىنىدەك. خۇدانىڭ نەزىرىدە ئىبراھىم ھەممىمىزنىڭ ئاتىسىدۇر. چۈنكى، ئىبراھىم ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرىدىغان، مەۋجۇداتنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرىدىغان خۇداغا ئىشەنچ باغلىدى. ئاتا بولۇش مۇمكىنچىلىكى يوق ئەھۋالدىمۇ، ئىبراھىم يەنىلا ئۈمىدىنى ئۈزمەي، خۇداغا داۋاملىق ئىشەنچ باغلىدى. نەتىجىدە، ئۇ نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئاتىسى بولدى. بۇ توغرىسىدا خۇدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: «سېنىڭ ئەۋلادىڭ يۇلتۇزلاردەك سان-ساناقسىز بولىدۇ.» ئىبراھىم ئۆزىنىڭ يۈز ياشقا يېقىنلاپ، پەرزەنت تېپىش ئىقتىدارىدىن قالغانلىقىنى، شۇنداقلا ئايالى سارەنىڭمۇ پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارىدىن قالغانلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا خۇداغا بولغان ئىشەنچىنى ئاجىزلاشتۇرمىدى. ئۇ خۇدانىڭ ۋەدىسىدىن گۇمانلانمىدى. ئەكسىچە، ئۇنىڭ ئىشەنچى تېخىمۇ كۈچىيىپ، خۇدانى ئۇلۇغلىدى. ئۇ، خۇدانىڭ ئۆز ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قۇدرىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىگە پۈتۈنلەي ئىشەندى. شۇڭا، مۇقەددەس يازمىلاردا: «خۇدا ئۇنى ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىدى» دەپ يېزىلغان. ئەيسا مەسىھ گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈلۈشى ئۈچۈن قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۆلۈمگە تاپشۇرۇلۇپ، بىزنىڭ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىمىز ئۈچۈن تىرىلدۈرۈلدى. شۇڭا، بىز ئېتىقادىمىز ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىپ، رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا بىلەن ئىناق مۇناسىۋەتتە بولدۇق. ئېتىقادىمىز بولغاچقا، ئەيسا مەسىھ بىزنى بىز ھازىر بەھرىمەن بولۇۋاتقان بۇ مېھىر-شەپقەتكە ئىگە قىلدى. شۇڭا، بىز خۇدانىڭ شان-شەرىپىگە ئېرىشىش ئۈمىدىدە شاد-خۇرام بولماقتىمىز. بىز قىيىن ئەھۋاللاردىمۇ يەنىلا شاد-خۇرام بولىمىز. چۈنكى، بىزگە مەلۇمكى، قىيىنچىلىق سەۋرچانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، سەۋرچانلىقىمىز بىزنى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ئېتىقادچىلاردىن قىلىدۇ؛ خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ئېتىقادچىلاردىن بولساق، بىزدە تەۋرەنمەس ئۈمىد پەيدا بولىدۇ. بۇ ئۈمىد بىزنى ھەرگىز ئۇياتتا قالدۇرمايدۇ. چۈنكى، خۇدا بىزگە ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى قەلبىمىزگە سىڭدۈرگەن. بىز گۇناھتىن قۇتۇلۇشقا ئامالسىز قالغاندا، ئەيسا مەسىھ بىز گۇناھكارلار ئۈچۈن خۇدا بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ئۆزىنى پىدا قىلدى. دۇرۇس ئادەم ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدىغانلارنىڭ تېپىلىشى ناتايىن. لېكىن، ئالاھىدە ياخشى ئادەملەر ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدىغانلارنىڭ تېپىلىشى مۇمكىن. ئەيسا مەسىھ بىز تېخى گۇناھكار ۋاقتىمىزدىلا، بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلدى. مانا بۇ ئارقىلىق خۇدا ئۆزىنىڭ بىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى ئىسپاتلىدى. بىز ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىق قېنى ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندۇق. شۇنداق ئىكەن، ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدانىڭ غەزىپىدىن قۇتۇلۇشىمىز تېخىمۇ ئېنىقتۇر. بىز بۇرۇن خۇداغا دۈشمەن ئىدۇق. بىراق، خۇدا ئۆز ئوغلىنىڭ قۇربان قىلىنىشى ئارقىلىق بىزنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى. بىز خۇدا بىلەن يارىشىۋالغانىكەنمىز، ئۇنداقتا ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگەن ھاياتى ئارقىلىق خۇدانىڭ جازاسىدىن چوقۇم قۇتۇلدۇرۇلىمىز. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، بىزنى خۇدا بىلەن ياراشتۇرغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا بىلەن بولغان يېڭى مۇناسىۋىتىمىزدىمۇ شاد-خۇرام بولىمىز. گۇناھ دۇنيادا بىر ئادەم، يەنى ئادەم~ئاتا ئارقىلىق پەيدا بولغاندەك، ئۆلۈممۇ ئادەم~ئاتىنىڭ گۇناھى ئارقىلىق پەيدا بولدى. نەتىجىدە، ئۆلۈم پۈتكۈل ئىنسان ئىچىگە تارقالدى، چۈنكى ھەممە ئادەم گۇناھ سادىر قىلدى. گۇناھ تەۋرات قانۇنى مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلۈشتىن ئىلگىرىلا دۇنيادا بار ئىدى. بىراق، ئۇ چاغدا ھەق-ناھەقنى ئايرىيدىغان تەۋرات قانۇنى بولمىغانلىقتىن، گۇناھنىڭ ھېسابى ئېلىنمايتتى. شۇنداق بولسىمۇ، ئۆلۈم ئادەم~ئاتىدىن تاكى مۇسا پەيغەمبەرگىچە ئىنسانلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ھەتتا ئادەم~ئاتىنىڭ گۇناھىدەك گۇناھ سادىر قىلمىغان ئىنسانلارمۇ ئۆلۈمدىن خالىي بولالمىدى. ئادەم~ئاتا پۈتكۈل ئىنسانغا تەسىر كۆرسەتكىنىدەك، كېيىن كەلگەن مەسىھمۇ پۈتكۈل ئىنسانغا تەسىر قىلدى. ۋەھالەنكى، ئادەم~ئاتا تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن گۇناھ خۇدانىڭ بەرگەن مېھىر-شەپقەتلىك سوۋغىتىغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. چۈنكى، بىر ئادەم، يەنى ئادەم~ئاتىنىڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈشى بىلەن نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەن بولسا، ئوخشاشلا بىر ئادەم، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق خۇدا ئىنسانلارغا تېخىمۇ كۆپ مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، كەچۈرۈلۈش سوۋغىتىنى نۇرغۇن ئادەمگە ئاتا قىلدى. خۇدانىڭ سوۋغىتىنىڭ نەتىجىسى ئادەم~ئاتىنىڭ گۇناھىنىڭ ئاقىۋىتىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. چۈنكى، ئادەم~ئاتىنىڭ بىر قېتىملىق گۇناھى ئارقىلىق بىز ھەممىمىز گۇناھكار، دەپ ھۆكۈم قىلىندۇق. ئەمما خۇدانىڭ مېھىر-شەپقەتلىك سوۋغىتى ئارقىلىق بىز گۇناھكارلار گەرچە نۇرغۇن گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولساقمۇ، ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندۇق. بىر ئادەمنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن ئۆلۈم ئىنسانلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان يەردە، خۇدانىڭ مول مېھىر-شەپقىتى ۋە ھەققانىي بولۇش سوۋغىتىغا ئېرىشكەن كىشىلەر يەنە بىر ئادەم، يەنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھاياتىدا گۇناھ ۋە ئۆلۈم ئۈستىدىن غەلىبە قىلماسمۇ؟ دېمەك، بىر قېتىملىق گۇناھ پۈتكۈل ئىنساننى گۇناھقا مەھكۇم قىلغان بولسا، بىر قېتىملىق ھەققانىي ئەمەلىيەت، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربان بولۇشى ئارقىلىق پۈتكۈل ئىنسان ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشەلەيدۇ. بىر ئادەمنىڭ ئىتائەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن ئىنسانلار گۇناھكار بولۇپ كەتكىنىدەك، بىر ئادەمنىڭ ئىتائەتمەنلىكى بىلەنمۇ نۇرغۇن ئىنسانلار ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىدۇ. تەۋرات قانۇنىنىڭ بېرىلىشى كىشىلەرگە ئۆز گۇناھىنىڭ ئىنتايىن كۆپلۈكىنى ئوچۇق كۆرسىتىش ئۈچۈندۇر. لېكىن، قەيەردە گۇناھ كۆپ بولسا، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىمۇ شۇ يەردە ھەسسىلەپ ئاشتى. دېمەك، گۇناھ ئىنسانلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە ئاپارغان بولسا، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ئىنسانلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۇلارنى ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاپ، ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ھايات ئېلىپ كەلدى. ئۇنداقتا، بىز نېمە دەيمىز؟ خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى تېخىمۇ ئاشسۇن دەپ، داۋاملىق گۇناھ ئىچىدە ياشايمىزمۇ؟ ياق، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! گۇناھقا نىسبەتەن بىز ئاللىقاچان ئۆلگەن. شۇنداق ئىكەن، بىز يەنە داۋاملىق گۇناھ ئىچىدە ياشىماسلىقىمىز كېرەك. سىلەر چوقۇم شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، بىز چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلغىنىمىزدا، ئەيسا مەسىھكە باغلانغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۆلۈمى بىلەنمۇ باغلاندۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز چۆمۈلدۈرۈلۈش ئارقىلىق ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە ئۆلۈپ، بىللە كۆمۈلدۇق. خۇدائاتىمىزنىڭ بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسىتى شۇكى، ئەيسا مەسىھنى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ كۈچ-قۇدرىتى ئارقىلىق تىرىلدۈرگەندەك، بىزنىمۇ يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈرۈشتۇر. بىز ئەيسا مەسىھكە باغلىنىپ، ئۇنىڭغا ئوخشاش ئۆلگەنىكەنمىز، ئۇنداقتا بىز چوقۇم ئۇنىڭغا ئوخشاش تىرىلدۈرۈلىمىز. شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، كونا تەبىئىتىمىز ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە كرېستكە مىخلاندى. شۇنىڭ ئۈچۈن، گۇناھكار نەپسىمىزنىڭ ئىلكىدە بولماي، گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن قۇتۇلدۇق. چۈنكى، ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە ئۆلگەن ھەرقانداق كىشى گۇناھنىڭ كۈچىدىن خالاس بولغان بولىدۇ. ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە ئۆلگەنىكەنمىز، ئۇنداقتا ئۇنىڭغا باغلىنىپ، يېڭى ھاياتقا ئېرىشىشىمىزگىمۇ ئىشىنىمىز. بىزگە مەلۇمكى، ئەيسا مەسىھ تىرىلگەندىن كېيىن قايتا ئۆلمەيدۇ. ئۆلۈم ئەمدى ئەيسا مەسىھكە ئۆز كۈچىنى كۆرسىتەلمەيدۇ. ئەيسا مەسىھ ئۆزىنىڭ بىرلا قېتىملىق ئۆلۈمى ئارقىلىق گۇناھ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى. ئۇ ھازىر ھايات بولۇپ، ئۇنىڭ ھاياتلىقى خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈش ئۈچۈندۇر. شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ھازىر ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارنى گۇناھقا نىسبەتەن ئۆلگەن، لېكىن خۇداغا خىزمەت قىلىشقا نىسبەتەن تىرىك ھېسابلاڭلار. شۇنداق ئىكەن، گۇناھ ھەرگىزمۇ ھامان ئۆلىدىغان تېنىڭلارنى باشقۇرمىسۇن. بولمىسا، ئارزۇ-ھەۋەسلەرگە بېرىلىپ كېتىسىلەر. تېنىڭلارنىڭ ھەرقانداق بىر ئەزاسىنى يامان ئىشلارغا قورال قىلىپ، گۇناھقا تۇتۇپ بەرمەڭلار. ئەكسىچە، ئۆزۈڭلارنى خۇداغا ئاتاڭلار. چۈنكى، سىلەر ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلدۈڭلار. تېنىڭلارنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنى ھەققانىي ئىشلارنىڭ قورالى قىلىڭلار. گۇناھ سىلەرنىڭ ھۆكۈمرانىڭلار ئەمەس. چۈنكى، سىلەر تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ بىزنى گۇناھنىڭ كۈچىدىن خالاس قىلىدىغان مېھىر-شەپقىتى ئاستىدا ياشاۋاتىسىلەر. ئۇنداقتا، قانداق قىلىش كېرەك؟ تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە ئەمەس، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ئاستىدا ياشاۋاتىمىز دەپ، گۇناھ سادىر قىلىۋەرسەك بولامدۇ؟ ياق، ئەلۋەتتە بولمايدۇ. كىمگە بويسۇنساڭلار، شۇنىڭ قۇلى بولىدىغانلىقىڭلارنى بىلمەمسىلەر؟ گۇناھقا بوي ئەگسەڭلار، ئۇ سىلەرنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ. خۇداغا بويسۇنساڭلار، ئۇ ھەققانىي ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدۇ. مەن سىلەرنىڭ تەبىئىتىڭلاردىكى ئاجىزلىقلارنى بىلگەچكە، بۇلارنى سىلەرگە ئادەتتىكى مىسال بىلەن ئېيتىۋاتىمەن. ئىلگىرى سىلەر گۇناھنىڭ قۇلى بولۇپ، تېنىڭلاردىكى ئەزالارنى ناپاك ۋە تەۋرات قانۇنىغا خىلاپ ئىشلارغا بېغىشلىغانىدىڭلار. ئەمدى پاك بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارنى ھەققانىيلىقنىڭ قۇلى بولۇشقا بېغىشلاڭلار. سىلەر گۇناھنىڭ قۇلى بولغان ۋاقتىڭلاردا، ھەققانىي ھايات كەچۈرۈش بىلەن كارىڭلار يوق ئىدى. سىلەر ھازىر نومۇس دەپ قارىغان بۇرۇنقى ئىشلاردىن شۇ چاغدا زادى نېمە پايدا تاپقانىدىڭلار؟ ئۇ ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئۆلۈمدۇر. بىراق، ھازىر سىلەر گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئەركىن قىلىنىپ، خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى بولدۇڭلار. بۇ، ھاياتىڭلارغا پايدىلىق بولۇپ، سىلەرنى پاك ياشاشقا يېتەكلەيدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا سىلەر مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىسىلەر. چۈنكى، گۇناھنىڭ بەدىلى ئۆلۈم. بىراق، خۇدانىڭ رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىزگە ئاتا قىلغان سوۋغىتى مەڭگۈلۈك ھاياتلىقتۇر. قېرىنداشلار، سىلەر قانۇننى چۈشىنىسىلەر. شۇڭا، شۇنىمۇ ئېسىڭلارغا سېلىپ قويايكى، قانۇن پەقەت ھايات ئادەمگىلا ھۆكۈمرانلىق قىلالايدۇ. مەسىلەن، ئېرى بار ئايال ئېرى ھاياتلا بولىدىكەن، قانۇن بويىچە ئېرىگە باغلىنىدۇ. لېكىن، ئېرى ئۆلۈپ كەتسە، نىكاھ قانۇنىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئايال ئېرى ھايات ۋاقتىدا باشقا بىر ئەر بىلەن بىرگە بولسا، بۇزۇق ئايال، دەپ قارىلىدۇ. لېكىن، ئېرى ئۆلۈپ كەتسە، ئايال نىكاھ قانۇنىدىن ئەركىن بولىدۇ. ئۇ چاغدا، باشقا بىر ئەرگە تەگسە، زىنا قىلغان بولمايدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، قېرىنداشلىرىم، سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربان بولۇشى بىلەن تەۋرات قانۇنىغا نىسبەتەن ئۆلدۈڭلار. سىلەر ھازىر باشقا بىرىگە باغلاندىڭلار، يەنى ئۆلۈمدىن تىرىلگەن ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولدۇڭلار. بۇنىڭ بىلەن، سىلەر خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرەلەيسىلەر. بۇرۇن بىز گۇناھكار تەبىئىتىمىزنىڭ ئىلكىدە بولغاچقا، بىزنى گۇناھقا ئېلىپ بارىدىغان ھەۋەسلىرىمىزنىڭ كەينىگە كىرىپ كەتتۇق. بۇ ھەۋەسلىرىمىز تەۋرات قانۇنىنى بىلىشىمىز بىلەن تېخىمۇ قوزغىلىپ، تېنىمىزدىكى ئەزالارنى قۇتراتتى. نەتىجىدە، بىز ئۆزىمىزنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان ئىشلارنى قىلدۇق. لېكىن، ھازىر بىز تەۋرات قانۇنىنىڭ ھۆكۈمىدىن ئازاد قىلىندۇق. چۈنكى، بىز ئۆزىمىزنى بوغۇپ تۇرىدىغان بۇ قانۇنغا نىسبەتەن ئۆلگەن. بىز كونا ئۇسۇل بويىچە، يەنى تەۋرات قانۇنىغا بۇرۇنقىدەك ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى يېڭى ئۇسۇل بويىچە، يەنى مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشاش ئارقىلىق خۇداغا خىزمەت قىلىمىز. ئۇنداقتا، بىز نېمە دەيمىز؟ تەۋرات قانۇنىنىڭ ئۆزى گۇناھنىڭ مەنبەسى بولامدۇ؟ ياق، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! گۇناھ تەۋرات قانۇنىدا كۆرسىتىلمىگەن بولسا، مەن قىلمىشلىرىمنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. مەسىلەن، تەۋرات قانۇنىدا: «باشقىلارنىڭ تەئەللۇقاتلىرىغا كۆز قىرىڭنى سالما» دېيىلمىگەن بولسا، ئۇنداق قىلىشنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن بولاتتىم. لېكىن، گۇناھ تەۋرات قانۇنىنىڭ بۇ ئەمرى ئارقىلىق پۇرسەت تېپىپ، ئىچىمدىكى ھەر خىل ئاچكۆزلۈكلەرنى قوزغىدى. بۇ قانۇن بولمىسا، گۇناھنىڭ بۇنداق كۈچىمۇ بولمايتتى. گۇناھ تەۋرات قانۇنىنىڭ ئەمرلىرىدىن پۇرسەت تېپىپ، مېنى ئازدۇرۇپ، ئۆلۈمگە دۇچار قىلدى. دېمەك، تەۋرات قانۇنى ھەقىقە تەن پاكتۇر. ئۇنىڭدىكى ئەمرلەرمۇ پاك، توغرا ۋە ياخشىدۇر. شۇنداق تۇرۇقلۇق، بۇ ياخشى قانۇن مېنى ئۆلۈمگە دۇچار قىلدىمۇ؟ ياق، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! بەلكى، ئەنە شۇ گۇناھ بۇ ياخشى قانۇندىكى ئەمرلەردىن پايدىلىنىپ، مېنى ئۆلۈمگە دۇچار قىلدى. بىز ئەمدى گۇناھنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى تونۇۋالالايمىز. چۈنكى، تەۋرات قانۇنىدىكى ئەمرلەر ئارقىلىق گۇناھنىڭ قانچىلىك قەبىھ ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. تەۋرات قانۇنى خۇدادىن چۈشۈرۈلگەن بولغاچقا، ئۇنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بىراق، گۇناھكار تەبىئىتىمنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان مەن بولسام گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىدۇرمەن. ئۆزۈمنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىمنى بىلمەيمەن. چۈنكى، ئۆزۈم نىيەت قىلغان ئىشلارنى قىلمايمەن، ئەكسىچە نەپرەتلىنىدىغان ئىشلارنى قىلىمەن. ئەگەر مەن يامان ئىشلارنى قىلىشنى خالىماي تۇرۇپ، يەنىلا ئۇلارنى قىلغان بولسام، ئۇ چاغدا ۋىجدانىم تەۋرات قانۇنىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولىدۇ. شۇڭا، بۇ ئىشلارنى قىلدۇرۇۋاتقىنى مەن ئەمەس، بەلكى ئىچىمدە ياشاۋاتقان گۇناھ. ئىچىمدە، يەنى گۇناھكار تەبىئىتىمدە ياخشىلىقنىڭ يوقلۇقىنى بىلىمەن. چۈنكى، ياخشىلىق قىلىش نىيىتىم بار بولسىمۇ، ئىقتىدارىم يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزۈم نىيەت قىلغان ياخشى ئىشلارنى قىلماي، ئەكسىچە نىيەت قىلمىغان يامان ئىشلارنى قىلىمەن. ئۆزۈم نىيەت قىلمىغان ئىشنى قىلسام، بۇنى قىلدۇرۇۋاتقىنى مەن ئەمەس، بەلكى ئىچىمدە ياشاۋاتقان گۇناھتۇر. بۇنىڭدىن ئۆزۈمدىكى شۇ قانۇنىيەتنى چۈشەندىمكى، ياخشى ئىشلارنى قىلماقچى بولساممۇ، يامانلىق ماڭا ھامان ھەمراھ بولۇپ تۇرغاچقا، مەن يەنىلا يامان ئىشلارنى قىلىمەن. خۇدانىڭ قانۇنىدىن ئىچ-ئىچىمدىن سۆيۈنىمەن. بىراق، تېنىمدە باشقا بىر قانۇنىيەتنى سېزىمەن. بۇ قانۇنىيەت قەلبىمدىن قايىل بولغان قانۇن بىلەن جەڭ قىلىپ، تەن ئەزالىرىمنى گۇناھ سادىر قىلدۇرغانلىقتىن، مېنى گۇناھقا ئەسىر قىلىدۇ. مەن نېمىدېگەن بىچارە ئادەممەن-ھە! گۇناھنىڭ ئەسىرى بولغان ۋە ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان بۇ تېنىمدىن كىممۇ مېنى قۇتقۇزار؟! خۇداغا شۈكۈر، خۇدا مېنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق قۇتقۇزىدۇ! مېنىڭ ئەھۋالىم مانا مۇنداق: قەلبىم بىلەن خۇدانىڭ قانۇنىغا ئىتائەت قىلىشنى خالايمەن، لېكىن ئەمەلىيىتىمدە گۇناھكار تەبىئىتىم سەۋەبىدىن گۇناھنىڭ قۇلى بولىمەن. يىغىنچاقلاپ ئېيتساق، ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلار ئەمدى گۇناھقا مەھكۇم قىلىنمايدۇ. چۈنكى، ھاياتلىق ئېلىپ كېلىدىغان مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىزنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىدىغان گۇناھنىڭ كۈچىدىن ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خالاس قىلدى. گۇناھكار تەبىئىتىمىز تۈپەيلىدىن تەۋرات قانۇنى بىزنى گۇناھنىڭ ئاسارىتىدىن ئازاد قىلالمىدى. بىراق، خۇدا ئۆز ئوغلىنى بىز گۇناھكار ئىنسانلارنىڭ تېنىدەك تەن بىلەن يەر يۈزىگە ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ گۇناھسىز تېنىدە گۇناھلىرىمىزنىڭ جازاسىنى تارتىشى بىلەن بىزنى باشقۇرۇۋاتقان گۇناھنىڭ كۈچىنى بىكار قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، گۇناھكار تەبىئىتىمىزگە ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھقا بويسۇنىدىغان بىزلەر ئارقىلىق تەۋرات قانۇنىنىڭ ئادىل تەلەپلىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. گۇناھكار تەبىئىتىگە بويسۇنىدىغانلار شۇ تەبىئىتىگە خاس ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى ئويلايدۇ. مۇقەددەس روھقا بويسۇنىدىغانلار بولسا مۇقەددەس روھقا خاس ئىشلارنى ئويلايدۇ. بىر ئادەمنىڭ گۇناھكار تەبىئىتى ئۇنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى باشقۇرسا، بۇ ئۇ ئادەمگە مەڭگۈلۈك ئۆلۈم ئېلىپ كېلىدۇ. ئەمما ئۇ ئادەمنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى مۇقەددەس روھ باشقۇرسا، بۇ ئۇنىڭغا ھاياتلىق ۋە ئامانلىق ئېلىپ كېلىدۇ. بىر ئادەمنىڭ گۇناھكار تەبىئىتى ئۇنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى باشقۇرسا، ئۇ ئادەم خۇدا بىلەن دۈشمەنلەشكەن بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ خۇدانىڭ قانۇنىغا بويسۇنمايدۇ ھەم بويسۇنالمايدۇ. گۇناھكار تەبىئىتى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغانلار خۇدانى خۇرسەن قىلالمايدۇ. بىراق سىلەرگە كەلسەك، خۇدانىڭ روھى ھەقىقەتەن قەلبىڭلاردا ياشىغانلىقتىن، گۇناھكار تەبىئىتىڭلارنىڭ باشقۇرۇشىدا ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھنىڭ باشقۇرۇشىدا تۇرۇۋاتىسىلەر. قەلبىدە مۇقەددەس روھ، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ روھى بولمىغان ئادەم ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ ئەمەستۇر. تېنىڭلار گۇناھ تۈپەيلىدىن ئۆلۈمنىڭ ئىلكىدە بولسىمۇ، ئەمما قەلبىڭلاردا ئەيسا مەسىھ بولغانلىقى ئۈچۈن، سىلەر خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىپ، روھىڭلار ھايات بولدى. خۇدانىڭ روھى ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى. بۇ روھ سىلەرنىڭ قەلبىڭلاردا ياشايدۇ. ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇدا قەلبىڭلاردىكى ئۆز روھى ئارقىلىق سىلەرنىڭ چىرىپ كېتىدىغان تېنىڭلارغا ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، قېرىنداشلىرىم، گۇناھكار تەبىئىتىمىزگە بويسۇنۇپ ياشاشقا ئەمەس، مۇقەددەس روھقا بويسۇنۇشقا قەرزدارمىز. چۈنكى، گۇناھكار تەبىئىتىڭلارغا بويسۇنۇپ ياشىساڭلار، مەڭگۈلۈك ھالاك بولىسىلەر. لېكىن، مۇقەددەس روھقا تايىنىپ، گۇناھكار تەبىئىتىڭلار ئارزۇ قىلغان گۇناھتىن قول ئۈزسەڭلار، مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىسىلەر. خۇدانىڭ روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشىغانلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىدۇر. ئەمدى سىلەر قوبۇل قىلغان مۇقەددەس روھ سىلەرنى قۇل قىلىپ، قۇل خوجايىنىدىن قورققاندەك قورقۇنچقا سالمايدۇ. ئەكسىچە، سىلەر بۇ مۇقەددەس روھ ئارقىلىق خۇدانىڭ ئەتىۋارلاپ بېقىۋالغان پەرزەنتلىرى بولۇپ، خۇدانى «ئى سۆيۈملۈك ئاتا!» دەپ چاقىرالايدىغان بولدۇڭلار. بۇ مۇقەددەس روھ قەلب روھىمىز بىلەن بىللە بىزنىڭ خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنمىز، ئۇنىڭ ۋەدە قىلغان ھەقىقىي بايلىقىغا مىراسخورمىز، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە مىراسخورلۇق قىلىمىز. كەلگۈسىدە ئەيسا مەسىھ بىلەن بىرلىكتە خۇدانىڭ شان-شەرىپىدىن بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن، بىزمۇ ھازىر ئەيسا مەسىھكە ئوخشاش، ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىۋاتىمىز. مېنىڭچە، ھازىر بىز تارتىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەر كەلگۈسىدە بىزدە ئايان بولىدىغان شان-شەرەپكە سېلىشتۇرغاندا ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەيدۇ. يارىتىلغان پۈتكۈل مەۋجۇدات خۇدانىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئايان قىلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتە. تا ھازىرغىچە پۈتكۈل مەۋجۇداتلارنىڭ خۇددى تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان ئايالدەك ئاھ ئۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. پەقەت پۈتكۈل مەۋجۇداتلا ئەمەس، ھەتتا مۇقەددەس روھنىڭ قەلبىمىزگە سېلىنىشى بىلەن خۇدانىڭ كەلگۈسىدە بېرىدىغان شان-شەرىپىنى تېتىپ باققان بىزلەرمۇ دىلىمىزدا ئاھ ئۇرماقتىمىز. خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنلىكىمىز ئايان قىلىنىشى بىلەن بىرگە يېڭى تەنگە ئېرىشىشنى كۈتمەكتىمىز. قۇتقۇزۇلغاندىن بېرى بىزدە مۇشۇنداق ئۈمىد بولۇپ كەلمەكتە. ئۈمىد ئەمەلىيەتكە ئايلانغاندا، ئۇ ئۈمىد بولۇشتىن قالىدۇ. كىممۇ ئەمەلىيەتكە ئايلانغاننى قايتا ئۈمىد قىلسۇن؟ بىراق، بىز تېخى ئەمەلىيەتكە ئايلانمىغانغا ئۈمىد باغلىغانىكەنمىز، ئۇنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتىمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مۇقەددەس روھ بىزنىڭ ئاجىزلىقىمىزنى بىلىپ، بىزگە ياردەم قىلىدۇ. بىز قانداق دۇئا قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلمەيمىز. لېكىن، مۇقەددەس روھنىڭ ئۆزى سۆز بىلەن ئىپادىلىگۈسىز ئاھ ئۇرۇش ئارقىلىق بىز ئۈچۈن خۇداغا مۇراجىئەت قىلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان خۇدا مۇقەددەس روھنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشىنىدۇ. چۈنكى، مۇقەددەس روھ خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى ئۈچۈن مۇراجىئەت قىلىدۇ. خۇدانىڭ ئۆزىنى سۆيىدىغانلارنىڭ، يەنى ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بويىچە چاقىرىلغانلارنىڭ ھاياتىدا مەيلى قانداق ئىشلار يۈز بەرسۇن، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، ھەممىنى شۇلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلىمىز. چۈنكى، خۇدا ئەلمىساقتىلا بۇ كىشىلەرنى بىلگەن. ئۇ، بۇ كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىدە ئۆز ئوغلىغا ئوخشاش بولۇشىنى ئالدىن بەلگىلىگەن. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئەيسا مەسىھنى بۇ نۇرغۇن قېرىنداشلارنىڭ ئارىسىدا تۇنجى ئوغلى قىلىش ئىدى. خۇدا ئالدىن بەلگىلىگەن بۇ كىشىلەرنى چاقىردى ۋە ئۆزى چاقىرغان بۇ كىشىلەرنى ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىدى. ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان بۇ كىشىلەرگە خۇدا چوقۇم شان-شەرەپ ئاتا قىلىدۇ. ئۇنداقتا، بىز بۇنىڭغا نېمە دەيمىز؟ خۇدا بىز تەرەپتە تۇرغانىكەن، كىممۇ بىزگە قارشى چىقالىسۇن؟ ئۆز ئوغلىنىمۇ ئايىماي، ئۇنى ھەممىمىز ئۈچۈن قۇربان بولۇشقا ئەۋەتكەن خۇدا بارلىقىنى بىزگە ئاتا قىلماي قالامدۇ؟ كىممۇ خۇدانىڭ تاللىغان بەندىلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلالىسۇن؟ ھېچكىم! چۈنكى، بىز خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان. كىم بىزنى گۇناھقا مەھكۇم قىلالايدۇ؟ ھېچكىم! چۈنكى، ئەيسا مەسىھ بىز گۇناھكارلار ئۈچۈن ئۆلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ تىرىلدۈرۈلۈپ، خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ھوقۇق تۇتۇپ، بىز ئۈچۈن مۇراجىئەت قىلماقتا. ھېچكىم بىزنى ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن ئايرىۋېتەلمەيدۇ! ھەرقانداق قىيىن ئەھۋال، جاپا-مۇشەققەت، زىيان-زەخمەت، ئاچ-يالىڭاچلىق ۋە خېيىمخەتەر، ھەتتا قىلىچمۇ بىزنى ئۇنىڭدىن ئايرىۋېتەلمەيدۇ! خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «سېنى دەپ كۈن بويى ئۆلۈم گىردابىدا تۇرۇۋاتىمىز. سويۇلىدىغان قويلار ئورنىدا قارىلىۋاتىمىز.» لېكىن، بىزنى سۆيىدىغان خۇدانىڭ كۈچى بىلەن بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈستىدىن پۈتۈنلەي غەلىبە قىلىمىز. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، ئۆلۈم ياكى ھاياتلىق بولسۇن، پەرىشتىلەر ياكى جىن-شەيتانلار بولسۇن، ھازىرقى ياكى كەلگۈسىدىكى ھەرقانداق ئىشلار بولسۇن، ياكى روھلار دۇنياسىدىكى ھەرقانداق كۈچلەر بولسۇن، ياكى پۈتكۈل كائىناتتا يارىتىلغان باشقا ھەرقانداق بىر شەيئى بولسۇن، مەيلى بىز ئېگىز ئاسماندا ياكى چوڭقۇر ھاڭنىڭ تېگىدە بولايلى، بىزنى خۇدانىڭ رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئاتا قىلغان مېھىر-مۇھەببىتىدىن ئايرىۋېتەلمەيدۇ. مەن ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىم ئۈچۈن، ھەقىقەتنى سۆزلەيمەن، يالغان سۆزلىمەيمەن. مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولغان ۋىجدانىممۇ بۇنىڭغا ئىسپات بولالايدۇ. دېمەكچى بولغىنىم، ئىسرائىللار، يەنى يەھۇدىيلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلىقىغا كەلسەك، مەن ئۇلار ئۈچۈن ئىنتايىن كۆپ غەم-قايغۇ قىلىۋاتىمەن، قەلبىممۇ ھەمىشە ئازاب ئىچىدە ئۆرتىنىۋاتىدۇ. ئەگەر مېنىڭ خۇدا تەرىپىدىن لەنەت ئاستىدا قېلىپ، ئەيسا مەسىھتىن ئايرىلىپ قېلىشىم قېرىنداشلىرىم ۋە جانجىگەرلىرىم بولغان ئىسرائىللارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن ياردەم بېرەلىسە، مەن مۇنداق قېلىشقىمۇ رازى بولاتتىم. ئىسرائىللار بولسا خۇدانىڭ تاللىغان خەلقىدۇر. خۇدا ئۇلارغا پەرزەنتلىك سالاھىيىتىنى بەردى، ئۆز ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسەتتى، ئۇلار بىلەن ئەھدىلەرنى تۈزۈپ، ئۇلارغا تەۋرات قانۇنىنى ئاتا قىلدى. ئىسرائىللار خۇداغا ھەقىقىي ئىبادەت قىلىشنى ئۆگىنىپ، خۇدانىڭ ۋەدىلىرىگە ئېرىشتى. ئۇلار ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. ئەيسا مەسىھمۇ ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، بۇ دۇنياغا ئىنسان تېنىدە كەلدى. ئۇ بارلىق مەۋجۇدات ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرىدىغان، مەڭگۈ مەدھىيىلىنىدىغان خۇدادۇر، ئامىن! مەن ھەرگىزمۇ ئىسرائىللارنىڭ ئەيسا مەسىھنى رەت قىلغانلىقى بىلەن خۇدانىڭ ئۇلارغا قىلغان ۋەدىسى بىكار بولدى، دېمەكچى ئەمەسمەن. چۈنكى، خۇدانىڭ نەزىرىدە ئىسرائىلنىڭ ئەۋلادى بولغانلارنىڭ ھەممىسىلا ھەقىقىي ئىسرائىل ھېسابلانمايدۇ. گەرچە ئۇلار ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى بولسىمۇ، خۇدانىڭ نەزىرىدە ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا ئىبراھىمنىڭ پەرزەنتلىرى ھېسابلانمايدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدا ئەجدادىمىز ئىبراھىمغا: «مەن ساڭا ۋەدە قىلغان ئەۋلادلىرىڭ ئىسھاقتىن كېلىپ چىقىدۇ» دېگەن. دېمەك، جىسمانىي جەھەتتىن، ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ھەممىسىلا خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولۇۋەرمەيدۇ. پەقەت خۇدانىڭ ئىبراھىمغا قىلغان ۋەدىسىگە ئاساسەن تۇغۇلغان ئەۋلادلارلا خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىدۇر. چۈنكى، ئىسھاقنىڭ تۇغۇلۇشى توغرىسىدا خۇدا ئەجدادىمىز ئىبراھىمغا ۋەدە بەرگەن. بۇ ۋەدە مۇنداق ئىدى: «كېلەر يىلى بۇ چاغدا قايتىپ كېلىمەن. شۇ چاغدا، ئايالىڭ سارە بىر ئوغۇلغا ئانا بولىدۇ.» بۇنىڭدىن باشقا، رىبەقا ئەجدادىمىز ئىسھاقتىن قوشكېزەكگە ھامىلىدار بولغاندا، بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا: «ياقۇپنى تاللىدىم، ئەساۋنى رەت قىلدىم» دەپ يېزىلغىنىدەك. ئۇنداقتا، بۇلارغا نېمە دەيمىز؟ بۇ يەردە خۇدانى ئادىل ئەمەس دەيمىزمۇ؟ ياق، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! چۈنكى، خۇدا مۇسا پەيغەمبەرگە مۇنداق دېگەن: «كىمگە مېھرىبانلىق قىلغۇم كەلسە، شۇنىڭغا مېھرىبانلىق قىلىمەن، كىمگە ئىچ ئاغرىتقۇم كەلسە، شۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىمەن.» دېمەك، خۇدا كىمگە رەھىمدىللىك كۆرسىتىشنى ئۆزى تاللايدۇ. بۇ، ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە ياكى ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا باغلىق ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ رەھىمدىللىكىگە باغلىقتۇر. خۇدا مۇقەددەس يازمىلاردا مىسىرنىڭ پادىشاھىغا مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ سېنى تىكلىشىمدىكى مەقسەت، پەقەت سېنىڭ ئۈستۈڭدە كۈچۈمنى ئايان قىلىپ، نامىمنى پۈتۈن يەر-زېمىنغا تارقىتىشتۇر.» دېمەك، خۇدا خالىغىنىغا رەھىم قىلىدۇ، خالىغىنىنى جاھىللاشتۇرىدۇ. بۇنداق بولغاندا، بەلكىم ئاراڭلاردىن بەزىلەر ماڭا: «ھەممە ئىشنى خۇدا بەلگىلەيدىغان تۇرسا ھەمدە بىز ئۇنىڭ ئىرادىسىگە قارشى چىقالمايدىغان تۇرساق، خۇدا نېمە ئۈچۈن يەنە بىزنى ئەيىبلەيدۇ؟» دېيىشى مۇمكىن. بىراق، ئەي ئىنسان، خۇدا بىلەن تاكاللىشىدىغان سەن كىمسەن؟ بىر ساپال قاچا ئۆزىنى ياسىغان خۇمدانچىغا: «مېنى نېمە ئۈچۈن بۇنداق ياسىدىڭ؟» دېيەلەمدۇ؟ خۇمدانچىنىڭ بىر كاللەك لايدىن ئالاھىدە ئىشلىتىلىدىغان ياكى ئادەتتە ئىشلىتىلىدىغان قاچا ياساش ھوقۇقى يوقمۇ؟ خۇدادا ئەنە شۇنداق ھوقۇق يوقمۇ؟! خۇدا گۇناھ سادىر قىلغانلارغا ئەسلى ئۆز غەزىپىنى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرسەتمەكچى بولغانىدى. لېكىن، ئۇ بۇ ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالغانلارغا غەزىپىنى كۆرسەتمەي، بەلكى سەۋرچانلىق بىلەن ئۇلارغا كەڭچىلىك قىلدى. خۇدانىڭ مەقسىتى ئۆزىنىڭ رەھىم-شەپقىتىنىڭ نىشانى بولغان بىزلەرگە ئۆزىنىڭ يۈكسەك ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈندۇر. چۈنكى، بىز بۇ ئۇلۇغلۇققا ئېرىشىشكە ئالدىن تاللانغان. بىز خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغانلار بولۇپ، يەھۇدىيلار ئارىسىدىنلا ئەمەس، بەلكى يەھۇدىي ئەمەسلەر ئارىسىدىنمۇ چاقىرىلغانمىز. بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ ھوشىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقىنىدەك: «ئەسلى خەلقىم ھېسابلانمىغان خەلقنى خەلقىم، ئەسلى سۆيگەنلىرىم ھېسابلانمىغانلارنى سۆيگەنلىرىم دەيمەن.» ھوشىيا پەيغەمبەر يەنە ئېيتقانكى: «بۇرۇن خۇدا ئۇلارنى: ˜سىلەر مېنىڭ خەلقىم ھېسابلانمايسىلەرŒ دېگەن بولسىمۇ، لېكىن كەلگۈسىدە خۇدا ئۇلارغا ˜مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىŒ دەپ، نام بېرىدۇ.» يەشايا پەيغەمبەرمۇ ئىسرائىللار توغرىسىدا مۇنداق جاكارلىغانىدى: «ئىسرائىللارنىڭ سانى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمى قۇتقۇزۇلىدۇ. چۈنكى، پەرۋەردىگار بۇ دۇنيا ئۈستىدىن چىقارغان ھۆكۈملەرنى تەلتۆكۈس ۋە تېز ئىجرا قىلىدۇ.» يەشايا پەيغەمبەر يەنە ئالدىن ئېيتقىنىدەك: «ئەگەر ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار بىزنىڭ نەسلىمىزنى ساقلاپ قالمىغان بولسا، بىزمۇ خۇدا ئوت ياغدۇرۇپ يوق قىلىۋەتكەن سودوم ۋە گومورا شەھىرىدىكىلەردەك بولاتتۇق.» ئۇنداقتا، بۇنى مۇنداق يىغىنچاقلايمىز: ھەققانىيلىقنى ئىزدىمىگەن يەھۇدىي ئەمەسلەر خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندى، ئۇلار ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق بۇنىڭغا ئېرىشتى. تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ھەققانىيلىقنى ئىزدىگەن ئىسرائىللار، يەنى يەھۇدىيلار بولسا ئۇنىڭغا ئېرىشەلمىدى. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئۇلار ئېتىقادقا ئەمەس، بەلكى ياخشى ئەمەللىرىگە تايىنىپ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشقا تىرىشتى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار تاشقا، يەنى ئەيسا مەسىھكە پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشتى. بۇ خۇددى خۇدا مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتقاندەك: «خەلق پۇتلىشىدىغان، خەلقنى يىقىتىدىغان، بىر تاش سىئونغا قويدۇم. بىراق، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلار ھەرگىز نائۈمىدتە قالمايدۇ.» قېرىنداشلار، مەن جانجىگىرىم ئىسرائىللارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن ھەمدە بۇنى خۇدادىن دائىم تىلەيمەن. شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، ئۇلاردا خۇداغا نىسبەتەن ھەقىقەتەنمۇ قىزغىنلىق بار. بىراق، ئۇلارنىڭ بۇ قىزغىنلىقى ھەقىقىي بىلىمگە ئاساسلانمىغان. چۈنكى ئۇلار خۇدادىن كەلگەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىش يولىنى بىلمەي، تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىغا تىرىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار خۇدادىن كەلگەن ئۇشبۇ يولنى قوبۇل قىلمايدۇ. ۋەھالەنكى، ئەيسا مەسىھ تەۋرات قانۇنىنىڭ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. نەتىجىدە، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان ھەممە ئادەم خۇدا ئالدىدا ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىدۇ. تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشقا نىسبەتەن مۇسا پەيغەمبەر مۇنداق يازغان: «قانۇنغا بويسۇنغانلار ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلىش بىلەن ھاياتلىق تاپالايدۇ.» ئۇلارنىڭ دېمەكچى بولغىنى دەل «خۇدانىڭ سۆزى ساڭا يېقىندۇر، ئۇ تىلىڭدا ۋە دىلىڭدىدۇر.» مانا بۇ، ھەم بىز يەتكۈزۈۋاتقان ئېتىقاد توغرىسىدىكى سۆزلەردۇر. دېمەك، ئەيسا مەسىھنىڭ رەب ئىكەنلىكىنى ئۆز ئاغزىڭ بىلەن ئېتىراپ قىلساڭ ۋە خۇدانىڭ ئۇنى تىرىلدۈرگەنلىكىگە چىن قەلبىڭدىن ئىشەنسەڭ، قۇتقۇزۇلىسەن. چۈنكى، ئىنسان چىن قەلبىدىن ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىدۇ، ئۆز ئاغزى بىلەن ئېتىراپ قىلىش ئارقىلىق قۇتقۇزۇلىدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا: «ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلىكى كىشى نائۈمىدتە قالمايدۇ» دېيىلگەن. بۇ جەھەتتە، يەھۇدىيلار بىلەن يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ پەرقى يوق. ئەيسا مەسىھ ھەر ئىككىسىنىڭ رەببىدۇر. ئۇ ئۆزىگە ئىلتىجا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە مېھىر-شەپقەت ياغدۇرىدۇ. دەل مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «رەببىمىزگە ئىلتىجا قىلغانلارنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۇلىدۇ.» لېكىن، ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەنلەر ئۇنىڭغا قانداقمۇ ئىلتىجا قىلسۇن؟ ئۇ توغرۇلۇق ئاڭلىمىغانلار ئۇنىڭغا قانداقمۇ ئىشەنسۇن؟ ئۇ توغرىسىدا خەۋەر يەتكۈزگۈچىلەر بولمىسا، كىشىلەر قانداقمۇ ئاڭلىيالىسۇن؟ خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچىلەر ئەۋەتىلمىسە، خۇش خەۋەر قانداق يەتكۈزۈلسۇن؟ مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلەرنىڭ قەدىمى نەقەدەر مۇبارەك-ھە!» بىراق، خۇددى يەشايا پەيغەمبەرنىڭ: «ئى پەرۋەردىگار، بىز يەتكۈزگەن سۆزلەرگە كىممۇ ئىشەندى؟» دېگىنىدەك ھەممە ئادەم خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغان ئەمەس. ئېتىقاد خۇش خەۋەرنى ئاڭلاشتىن كېلىدۇ؛ خۇش خەۋەر بولسا ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىدۇر. لېكىن سىلەردىن شۇنى سورايمەنكى، ئىسرائىللار بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلىمىغاندىمۇ؟ ئەلۋەتتە ئاڭلىدى. بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «ئۇلارنىڭ ساداسى پۈتۈن دۇنياغا، سۆزلىرى زېمىننىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا يەتتى.» سىلەردىن يەنە شۇنى سورايمەنكى، ئىسرائىللار خۇش خەۋەرنى چۈشەنمىگەندىمۇ؟ باشقا خەلقلەر چۈشەنگەن يەردە، ئۇلار چوقۇم چۈشەندى. چۈنكى، خۇدا مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئاللىبۇرۇن مۇنداق ئېيتقان: «ئۆز خەلقىم بولمىغان بىر خەلق ئارقىلىق سىلەر ئىسرائىللاردا ھەسەت قوزغايمەن، سىلەر ئەقىلسىز دەپ قارايدىغان خەلق ئارقىلىق غەزىپىڭلارنى قوزغايمەن.» كېيىن، يەشايا پەيغەمبەر تېخىمۇ يۈرەكلىك ھالدا خۇدانىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزۈپ، مۇنداق دېدى: «مېنى ئىزدىمىگەنلەر مېنى تاپتى، مېنى سورىمىغانلارغا ئۆزۈمنى كۆرسەتتىم.» لېكىن، ئىسرائىللار ھەققىدە خۇدا يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق مۇنداق دېدى: «مەن بويسۇنماس ۋە جاھىل بىر خەلققە كۈن بويى قوللىرىمنى ئۇزىتىپ تۇردۇم.» ئۇنداقتا، شۇنى سورىماقچىمەن: خۇدا ئۆز خەلقى ئىسرائىللاردىن ۋاز كەچتىمۇ؟ ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! مەنمۇ ئىبراھىم ئەۋلادىدىن، يەنى بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بىر ئىسرائىلغۇ! خۇدا ئەلمىساقتىلا تاللىغان ئۆز خەلقىدىن ۋاز كەچكىنى يوق. مۇقەددەس يازمىلارنىڭ ئىلياس پەيغەمبەر ھەققىدىكى قىسمىدا نېمە دېيىلگەنلىكى سىلەرگە ئايان. ئىلياس پەيغەمبەر ئىسرائىللاردىن ئاغرىنىپ، خۇداغا يالۋۇرۇپ: «ئى پەرۋەردىگار، ئۇلار سېنىڭ پەيغەمبەرلىرىڭنى ئۆلتۈرۈشتى، قۇربانلىق سۇپىلىرىڭنى چېقىشتى؛ پەقەت ئۆزۈم يالغۇزلا قالدىم، ئۇلار يەنە مېنىڭمۇ جېنىمغا زامىن بولماقچى بولۇشۇۋاتىدۇ» دېگەن. خۇدا ئۇنىڭغا قانداق جاۋاب قايتۇرغان؟ خۇدا ئۇنىڭغا: «بائالغا چوقۇنمىغان سەندىن باشقا يەنە يەتتە مىڭ ئادەمنى ئۆزۈمگە ئېلىپ قالدىم» دېگەن. خۇددى شۇنىڭدەك، بۈگۈنكى كۈندە خۇدا ئۆز مېھىر-شەپقىتى بىلەن تاللىغان ئىسرائىللاردىنمۇ ئاز بىر قىسمى يەنىلا بار. بۇلارنىڭ تاللىنىشى ئۆزلىرى قىلغان ياخشى ئەمەللىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن بولغان. ئۇنداق بولمىغاندا، بۇ مېھىر-شەپقەتنى مېھىر-شەپقەت دېگىلى بولمايتتى. نەتىجىدە قانداق بولدى؟ ئىسرائىللار ئىزدىگىنىگە، يەنى قۇتقۇزۇلۇشقا ئېرىشەلمىدى. پەقەت تاللانغانلارنىڭ ئاز بىر قىسمىلا ئۇنىڭغا ئېرىشتى. قالغانلار بولسا قەلبلىرى بىخۇدلاشتۇرۇلۇپ، خۇدانىڭ چاقىرىقىغا قۇلاق سالمىدى. بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «خۇدا ئۇلارنىڭ قەلبىنى غەپلەتتە قالدۇردى، بۈگۈنگىچە كۆزلىرىنى كۆرمەس، قۇلاقلىرىنى ئاڭلىماس قىلدى.» خۇددى شۇنىڭدەك، داۋۇت پادىشاھمۇ ئۆز دۈشمەنلىرى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: «ئۇلارنىڭ داستىخىنى ئۆزلىرىگە قاپقان ۋە تور بولسۇن، ئۇلار پۇتلىشىپ يىقىلسۇن، جازالانسۇن! كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىپ، كۆرەلمىسۇن، بەللىرى پۈكۈلۈپ، مەڭگۈ رۇسلانمىسۇن!» ئۇنداقتا، شۇنى سورايكى: ئىسرائىللار پۇتلىشىپ شۇ يىقىلغىنىچە پۈتۈنلەي گۇمران بولدىمۇ؟ ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! لېكىن، ئىسرائىللار ئىتائەتسىزلىك قىلغانلىقتىن، خۇدا يەھۇدىي ئەمەسلەرنى نىجاتلىققا ئېرىشتۈردى. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئىسرائىللارنىڭ ئۇلارغا بولغان ھەسەتخورلۇقىنى قوزغاشتۇر. دېمەك، ئىسرائىللارنىڭ گۇناھى، يەنى ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھنى رەت قىلغانلىقى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە بەخت ئېلىپ كەلگەنىكەن، ئۇنداقتا خۇدا تاللىغان بارلىق ئىسرائىللار قۇتقۇزۇلۇشقا ئېرىشكەندە، دۇنياغا تېخىمۇ چوڭ بەخت ئېلىپ كەلمەمدۇ؟ ئەمدى يەھۇدىي ئەمەس بولغان سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، سىلەرگە ئەلچى بولغانلىقىم ئۈچۈن، بۇ ۋەزىپەمنى ئۇلۇغ ھېسابلايمەن. بۇنىڭ بىلەن، بەلكىم خۇش خەۋەرنى رەت قىلغان جانجىگەرلىرىم ئىسرائىللارنىڭ ھەسەت ئوتلىرىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى قۇتقۇزۇلۇش يولىغا باشلىيالارمەن. چۈنكى، ئۇلارنىڭ رەت قىلىنىشى ئارقىلىق دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەر خۇدا بىلەن ياراشتۇرۇلغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىپ، خۇدا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى ئۆلۈمدىن تىرىلگەنلىك بولماي نېمە؟ ئەگەر دەسلەپكى ھوسۇلدىن پىشۇرۇلۇپ خۇداغا سۇنۇلغان نان مۇقەددەس بولسا، ئۇ ناندىن قالغان خېمىرمۇ مۇقەددەستۇر. شۇنىڭدەك، ئەگەر بىر دەرەخنىڭ يىلتىزى مۇقەددەس بولسا، شاخلىرىمۇ مۇقەددەستۇر. خۇددى ياۋا زەيتۇن دەرىخىنىڭ شاخلىرى باغدىكى شاخلىرى سۇندۇرۇۋېتىلگەن زەيتۇن دەرىخىگە ئۇلانغانغا ئوخشاش، يەھۇدىي ئەمەس سىلەرمۇ سۇندۇرۇۋېتىلگەن ئاشۇ شاخلارنىڭ، يەنى يەھۇدىيلارنىڭ ئورنىغا ئېتىقادىڭلار ئارقىلىق ئۇلاندىڭلار. دېمەك، سىلەر بۇ دەرەخنىڭ يىلتىزىدىن ئوزۇقلۇق ئېلىپ، شىرنىسىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقاندەك، خۇدا ئىبراھىمغا ۋەدە قىلغان بەختتىن بەھرىمەن بولۇۋاتىسىلەر. شۇنداق ئىكەن، سىلەر سۇندۇرۇۋېتىلگەن ئاشۇ شاخلار ئالدىدا ماختانماڭلار. ئەگەر ماختانساڭلار، شۇنى ئۇنتۇماڭلاركى، سىلەر يىلتىزنى ئەمەس، بەلكى يىلتىز سىلەرنى بېقىۋاتىدۇ. سىلەر: «مېنىڭ ئۇلىنىشىم ئۈچۈن، بۇ شاخلار سۇندۇرۇۋېتىلدى» دېيىشىڭلار مۇمكىن. توغرا، بۇ شاخلار، يەنى يەھۇدىيلار ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلىقتىن سۇندۇرۇلدى. سىلەر بولساڭلار ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادىڭلار بىلەن ئۇلاندىڭلار، شۇڭا سىلەر مەغرۇرلانماڭلار، ئەكسىچە خۇدادىن قورقۇڭلار! چۈنكى، ئېتىقادسىزلىق قىلساڭلار، دەرەخنىڭ ئەسلىدىكى شاخلىرىنى، يەنى يەھۇدىيلارنى ئايىمىغان خۇدا سىلەرنىمۇ ئايىمايدۇ. بۇنىڭدىن خۇدانىڭ مېھرىبانلىقى، شۇنداقلا ئۇنىڭ قاتتىق قول ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇ ئۆز يولىدىن چەتنىگەنلەرگە قاتتىق قولدۇر. لېكىن، سىلەر داۋاملىق ئۇنىڭ مېھرىبانلىقىدا تۇرساڭلار، ئۇ سىلەرگە مېھرىباندۇر. ئۇنداق بولمىغاندا، سىلەرمۇ كېسىپ تاشلىنىسىلەر. يەھۇدىيلار ئېتىقادسىزلىقىدىن ۋاز كېچىپ، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلسا، ئۇلارمۇ ئەسلىدىكى دەرەخكە ئۇلىنىدۇ. چۈنكى، خۇدا ئۇلارنى قايتا ئۇلاشقا قادىردۇر. يەھۇدىي ئەمەس سىلەر ياۋا زەيتۇن دەرىخىدىن كېسىپ ئېلىنىپ، قانۇنىيەتكە خىلاپ ھالدا تۈجۈپىلەپ ئۆستۈرۈلگەن زەيتۇن دەرىخىگە ئۇلانغان يەردە، ئەسلىدىكى شاخلارنىڭ ئۆز دەرىخىگە ئۇلىنىشى تېخىمۇ ئاسان ئەمەسمۇ؟ قېرىنداشلار، ئۆزۈڭلارنى يەھۇدىيلاردىن ئۈستۈن تۇتۇشتىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، مۇنداق بىر سىردىن خەۋەرسىز قېلىشىڭلارنى خالىمايمەن. بۇ سىر بولسا: بىر قىسىم ئىسرائىللار خۇدا ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچىنى ھازىرغىچە تەرسالىق بىلەن رەت قىلسىمۇ، بىراق بۇ ئەھۋال پەقەتلا قۇتقۇزۇلغان يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ سانى تولۇقلانغۇچە داۋاملىشىدۇ. كېيىن، پۈتۈن ئىسرائىللار قۇتقۇزۇلىدۇ. بۇ توغرۇلۇق مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دېيىلگەن: «قۇتقۇزغۇچى سىئوندىن كېلىپ، ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ گۇناھكارلىقىنى يوقىتىۋېتىدۇ. مانا بۇ، ئۇلار بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەمدۇر، ئۇ چاغدا، ئۇلارنىڭ گۇناھىنى كۆتۈرۈۋېتىمەن.» يەھۇدىيلار خۇش خەۋەرنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، خۇداغا دۈشمەن بولۇپ قالدى. بۇ، يەھۇدىي ئەمەس سىلەرگە كۆپ مەنپەئەت يەتكۈزدى. لېكىن، يەھۇدىيلار خۇدانىڭ تاللىغان خەلقىدۇر. خۇدا ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى بىلەن ئەھدە تۈزگەنلىكتىن، يەنىلا ئۇلارنى سۆيىدۇ. چۈنكى، خۇدا ئۆزى بەرگەن سوۋغاتلىرىنى ۋە چاقىرىقىنى قايتۇرۇۋالمايدۇ. يەھۇدىي ئەمەس سىلەر بىر چاغلاردا خۇداغا ئىتائەت قىلمايتتىڭلار. لېكىن، يەھۇدىيلار خۇداغا ئىتائەتسىزلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، سىلەر ھازىر خۇدانىڭ رەھىم-شەپقىتىگە ئېرىشتىڭلار. يەھۇدىيلار بولسا ئىتائەت قىلماي كېلىۋاتىدۇ. لېكىن شۇنداق نەتىجە بولىدۇكى، خۇدا سىلەرگە رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەندەك، يەھۇدىيلارغىمۇ رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، خۇدا رەھىم-شەپقىتىنى پۈتكۈل ئىنسانغا كۆرسىتىش ئۈچۈن، ھەممەيلەننى، يەنى يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەرنى ئۆزلىرىنىڭ ئىتائەتسىزلىكىكە قويۇۋەتتى. ئاھ! خۇدانىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئىلىم-ھېكمىتى نېمىدېگەن مول، نېمىدېگەن چوڭقۇر-ھە! ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى كىممۇ چۈشىنەلىسۇن؟ ئۇنىڭ يوللىرىنى كىممۇ ئويلاپ يېتەلىسۇن؟ مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «كىممۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئوي-پىكرىنى چۈشەنسۇن؟ كىممۇ ئۇنىڭ مەسلىھەتچىسى بولالىسۇن؟ كىممۇ ئۇنىڭغا بىرنەرسە بېرىپ، ئۇنى قەرزدار قىلالىسۇن؟» ھېچكىم! چۈنكى، پەرۋەردىگارىمىز بارلىق مەۋجۇداتنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر، بارلىق مەۋجۇدات ئۇ ئارقىلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن مەۋجۇتتۇر. بارلىق شان-شەرەپ ئەبەدىلئەبەد ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولغاي، ئامىن! شۇڭا، ئەي قېرىنداشلار، خۇدا بىزگە شۇنداق رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەنىكەن، ئۆزۈڭلارنى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان، ئۇنىڭغا ئاتالغان تىرىك قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۇنىڭغا بېغىشلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. مانا بۇ، سىلەرنىڭ خۇداغا قىلىدىغان ھەقىقىي ئىبادىتىڭلاردۇر. بۇ دۇنيانىڭ ئېقىملىرىغا ئەگىشىپ يۈرمەڭلار، ئەكسىچە ئوي-پىكرىڭلار خۇدانىڭ يېڭىلىشى بىلەن پۈتۈنلەي ئۆزگەرسۇن. شۇ چاغدا، خۇدانىڭ ھاياتىڭلارغا بولغان ئىرادىسىنى ھەمدە بۇ ئىرادىنىڭ نەقەدەر ياخشى، نەقەدەر خۇرسەن قىلارلىق ۋە نەقەدەر مۇكەممەل ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىلەر. خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ماڭا ئاتا قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، ھەربىرىڭلارغا شۇنى ئېيتىمەنكى، ئۆزۈڭلارنى ئارتۇقچە باھالىماڭلار. ئەكسىچە، ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن خۇدا سىلەرگە بەرگەن ئېتىقاد جەھەتتىكى قابىلىيىتىڭلارغا قاراپ، ئۆزۈڭلارنى دەڭسەپ كۆرۈڭلار. بىزنىڭ تېنىمىز كۆپلىگەن ئەزالاردىن تەركىب تاپقان ھەمدە ھەربىر ئەزايىمىزنىڭ ئوخشاش بولمىغان رولى بار. شۇنىڭغا ئوخشاش، بىز ئېتىقادچىلار كۆپ بولساقمۇ، ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ھەممىمىز بىر تەن بولۇپ، بىر-بىرىمىزگە باغلىنىپ تۇرىمىز ھەمدە خۇدانىڭ بىزگە ئاتا قىلغان مېھىر-شەپقىتىگە ئاساسەن ھەربىرىمىزدە ئوخشاش بولمىغان قابىلىيەتلەر بار بولىدۇ. ئەگەر خۇدانىڭ سىلەرگە بەرگەن قابىلىيىتى ئۆزىنىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش بولسا، ئۇنىڭ سىلەرگە ۋەھىي ئارقىلىق سۆزلەۋاتقانلىقىغا ئىشەنگىنىڭلاردەك، ئىشەنچ بىلەن بۇ ۋەھىينى باشقىلارغا يەتكۈزۈڭلار. خۇدانىڭ سىلەرگە بەرگەن قابىلىيىتى باشقىلارغا خىزمەت قىلىش بولسا، خىزمەت قىلىڭلار؛ خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرىش بولسا، تەلىم بېرىڭلار؛ رىغبەتلەندۈرۈش بولسا، رىغبەتلەندۈرۈڭلار؛ ئىئانە بېرىش بولسا، چىن كۆڭلۈڭلار بىلەن ئىئانە بېرىڭلار؛ باشلامچىلىق قىلىش بولسا، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن باشلامچىلىق قىلىڭلار؛ رەھىم قىلىش بولسا، خۇشاللىق بىلەن قىلىڭلار. مېھىر-مۇھەببىتىڭلار ساختا بولمىسۇن. يامانلىقتىن يىرگىنىڭلار، ياخشى ئىشلاردا چىڭ تۇرۇڭلار. بىر-بىرىڭلارنى قېرىنداشلارچە سۆيۈپ، ئۆزئارا قىزغىن بولۇڭلار. باشقىلارنى ئۆزۈڭلاردىن يۇقىرى كۆرۈپ، ئۇلارنى ھۆرمەتلەڭلار. قىزغىنلىقىڭلار سوۋۇپ كەتمىسۇن. ئەكسىچە، ئوتتەك قىزغىن قەلبىڭلار بىلەن رەببىمىزگە خىزمەت قىلىڭلار. ئۈمىد ئىچىدە شاد-خۇرام ياشاڭلار، قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىڭلار. ھەر ۋاقىت دۇئادا بولۇڭلار. خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى ئارىسىدىن ئېھتىياجى چۈشكەنلەرگە ياردەم قىلىڭلار ۋە ئۇلارغا مېھماندوست بولۇڭلار. سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارغا بەخت تىلەڭلار. ئۇلارغا پەقەت بەخت تىلەڭلاركى، ئۇلارنى قارغىماڭلار. خۇشال بولغانلار بىلەن بىللە خۇشال بولۇڭلار، قايغۇرغانلار بىلەن بىللە قايغۇرۇڭلار. ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈڭلار، مەغرۇرلانماڭلار. ئەكسىچە، تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىلەر بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىڭلار. ھەرگىز بىلەرمەن بولۇۋالماڭلار. ھېچكىمنىڭ يامانلىقىغا يامانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرماڭلار، كۆپچىلىك ياخشى دەپ قارىغان ئىشلارنى كۆڭۈل قويۇپ قىلىڭلار. ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۆپچىلىك بىلەن ئىناق ئۆتۈڭلار. قەدىرلىك دوستلار، ئىنتىقام ئالماڭلار، بۇنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار. چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: «پەرۋەردىگار دەيدۇكى، ئىنتىقام ئالغۇچى مەندۇرمەن، ئۇنى مەن چوقۇم قىلىمەن.» مۇقەددەس يازمىلاردا يەنە مۇنداق يېزىلغان: «دۈشمىنىڭ ئاچ بولسا، ئۇنى تويدۇر، ئۇسسىغان بولسا، قاندۇر. بۇنداق قىلىش بىلەن ئۇنىڭ يۈزىنى چىمىلدىتىپ، ئۇنى خىجالەتچىلىكتە قالدۇرىسەن.» سىلەرمۇ ئىنتىقام ئېلىشنىڭ ئورنىغا شۇنداق قىلىڭلار. دېمەك، يامانلىق ئالدىدا تىز پۈكمەڭلار، يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن يېڭىڭلار. ھەممە ئادەم ھۆكۈمەتكە بويسۇنۇشى كېرەك. چۈنكى، ھەرقانداق ھاكىمىيەت خۇدادىن كەلگەن ھەم ھۆكۈمەتنى خۇدا ئۆزى تىكلىگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھۆكۈمەتكە قارشىلىق قىلغۇچىلار خۇدانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قارشىلىق قىلغان بولىدۇ. بۇنداق قارشىلىق قىلغۇچىلار ھۆكۈمەت تەرىپىدىن جازاغا تارتىلىدۇ. توغرا يولدا ماڭغانلار ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن قورقمايدۇ. لېكىن، يامان يولدا ماڭغانلار ئۇنىڭدىن قورقىدۇ. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن قورقۇشنى خالىمايمەن دېسەڭ، ئۇنداقتا توغرا يولدا ماڭ. ئۇ چاغدا، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولىسەن. چۈنكى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى بولۇپ، ئۇلار سېنىڭ مەنپەئىتىڭ ئۈچۈن ئىشلەيدۇ. لېكىن، يامان يولدا ماڭساڭ، ئەلۋەتتە قورقۇشۇڭ كېرەك. چۈنكى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ جازالاش ھوقۇقى بار-دە! ئۇلار خۇدانىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ، يامان يولدا ماڭغۇچىلارنى جازالاشقا تەيىنلەنگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا بويسۇنۇش كېرەك. بۇ، پەقەت جازالىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى خۇدا ئالدىدىمۇ ۋىجدانلىق بولۇش ئۈچۈندۇر. باج تاپشۇرۇشۇڭلارنىڭ سەۋەبىمۇ مانا شۇدۇر. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بولسا خۇدانىڭ مەخسۇس بۇ ئىشلارنى باشقۇرۇپ بېرىدىغان خىزمەتكارلىرىدۇر. ھەركىمگە ئۆزىگە تېگىشلىك ھەققىنى تۆلەڭلار. غەللە-پاراق يىغقۇچىغا غەللە-پاراقنى، باج يىغقۇچىغا باجنى تاپشۇرۇڭلار، ھۆرمەت قىلىشقا تېگىشلىك بولغانلارنى ھۆرمەت قىلىڭلار، ئىززەتلەشكە تېگىشلىك بولغانلارنى ئىززەتلەڭلار. مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشتە ئۆزئارا بىر-بىرىڭلارغا قەرزدار بولغاندىن باشقا، ھېچكىمگە ھېچقانداق قەرزدار بولماڭلار. چۈنكى، باشقىلارنى سۆيگەن كىشى تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولىدۇ. «زىنا قىلما، قاتىللىق قىلما، ئوغرىلىق قىلما، باشقىلارنىڭ تەئەللۇقاتلىرىغا كۆز قىرىڭنى سالما» دېگەن پەرزلەر ۋە بۇنىڭدىن باشقا بارلىق پەرزلەر «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» دېگەن بۇ ئەمرگە يىغىنچاقلانغان. باشقىلارنى سۆيگەن كىشى ئۇلارغا يامانلىق قىلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مېھىر-مۇھەببەت تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ھازىر مۇھىم بىر دەۋردە ياشاۋاتقانلىقىمىزنى بىلىپ، بۇلارنى سىلەرگە دەۋاتىمەن. ئۇيقۇدىن ئويغىنىدىغان ۋاقتىڭلار يېتىپ كەلدى. چۈنكى، بىزنىڭ دەسلەپكى ئېتىقاد قىلغان ۋاقتىمىزغا قارىغاندا، ئەڭ ئاخىرقى ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇلۇش كۈنىمىز تېخىمۇ يېقىنلاپ قالدى. قاراڭغۇ كېچە ئۆتۈپ كەتتى، كۈندۈز، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ قايتىپ كېلىدىغان كۈنى يېقىنلاپ قالدى. شۇڭا، قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىشلىرىنى تاشلاپ، يورۇقلۇقنىڭ ساۋۇتىنى كىيىڭلار. ئەيش-ئىشرەت ۋە شارابخورلۇققا، زىنا ۋە بۇزۇقچىلىق، ئۇرۇشقاقلىق ۋە ھەسەتخورلۇققا بېرىلمەڭلار. يورۇقلۇقتىكى كىشىلەردەك پاك ھايات كەچۈرۈڭلار. ئەيسا مەسىھنىڭ تەبىئىتىنى ئۆزۈڭلارغا ئۆزلەشتۈرۈڭلار. گۇناھكار تەبىئىتىڭلاردىكى ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى قاندۇرۇشنى ئويلىماڭلار. ئېتىقادى ئاجىز قېرىنداشلارنىڭ پىكىرلىرى ئۈستىدە ھۆكۈم قىلماي، ئۇلارنى قوبۇل قىلىڭلار. بەزى ئېتىقادچىلار ھەرقانداق يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. لېكىن، بەزىلەرنىڭ ئېتىقادى ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن، گۆش يېمەيدۇ. ھەرقانداق يېمەكلىكلەرنى يەيدىغانلار گۆش يېمەيدىغانلارنى كەمسىتمىسۇن ھەمدە گۆش يېمەيدىغانلارمۇ ھەرقانداق يېمەكلىكلەرنى يەيدىغانلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلمىسۇن. چۈنكى، خۇدا ئۇلارنى قوبۇل قىلغان. خۇدانىڭ خىزمەتكارى ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىدىغان سەن كىم ئىدىڭ؟ ئۇلارغا ئىگىسى بولغان خۇدا ئۆزى مەسئۇل. خىزمەتكارى ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىش ياكى ئۇنى ئاقلاش خۇدانىڭ ئىشىدۇر. خۇدا ئۇنى ئەيىبسىز قىلالايدۇ. چۈنكى، رەببىمىز بۇنداق قىلىشقا قادىردۇر. بەزىلەر مەلۇم كۈنلەرنى باشقا كۈنلەردىن مۇھىم دەپ قارايدۇ، يەنە بەزىلەر ھەممە كۈننى ئوخشاش دەپ قارايدۇ. بۇ ئىشتا ھەركىم ئۆز ۋىجدانى بويىچە قارار چىقارسۇن. بەزىلەر مەلۇم بىر كۈننى قەدىرلەپ، بۇنىڭ بىلەن رەببىمىزگە بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەيدۇ. بەزىلەر، يەنى ھەرقانداق يېمەكلىكلەرنى يەيدىغانلارمۇ شۇ يېگ ن يېمەكلىكلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ رەببىمىزگە بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى، ئۇلار خۇدا بەرگەن رىزقى ئۈچۈن شۈكۈر ئېيتىدۇ. گۆش يېمەيدىغانلارمۇ خۇدا بەرگەن رىزقى ئۈچۈن خۇداغا شۈكۈر ئېيتىدۇ. ھېچقايسىمىز پەقەتلا ئۆزىمىز ئۈچۈن ياشىمايمىز ۋە ھېچقايسىمىز پەقەتلا ئۆزىمىز ئۈچۈن ئۆلمەيمىز. بەلكى، ياشىساقمۇ، ئۆلسەكمۇ رەببىمىز ئۈچۈندۇر، قىسقىسى، قانداقلا بولساق، رەببىمىزگە مەنسۇپمىز. ئەيسا مەسىھ ھەم ئۆلگەنلەرنىڭ، ھەم تىرىكلەرنىڭ رەببى بولۇش ئۈچۈن ئۆلۈپ تىرىلدى. ئۇنداقتا، گۆش يېمەيدىغان سەن نېمە ئۈچۈن ھەممە يېمەكلىكلەرنى يەيدىغان قېرىندىشىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىسەن؟ ھەممە يېمەكلىكلەرنى يەيدىغان سەنمۇ نېمە ئۈچۈن گۆش يېمەيدىغان قېرىندىشىڭنى كەمسىتىسەن؟ ھەممىمىزنىڭ خۇدانىڭ ھۆكۈم تەختىنىڭ ئالدىدا ھېساب بېرىدىغانلىقىمىزنى بىلمەمسەن؟ بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «پەرۋەردىگار دەيدۇكى: مەڭگۈ مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، پۈتكۈل ئىنسان ئالدىمدا تىزلىنىپ سەجدە قىلىدۇ، پۈتكۈل ئىنسان مېنىڭ خۇدا ئىكەنلىكىمنى ئېتىراپ قىلىدۇ.» دېمەك، ھەربىرىمىز خۇدا ئالدىدا ئۆزىمىزدىن ھېساب بېرىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر-بىرىڭلارنى ئەيىبلەشنى توختىتىڭلار. قېرىندىشىڭلارنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇپ، ئۇلارنى گۇناھقا يىقىتىشقا سەۋەب بولىدىغان ھەرقانداق ئىش قىلماسلىقنى قارار قىلىڭلار. رەببىمىز ئەيساغا مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، مەن شۇنىڭغا ھەقىقىي ئىشىنىمەنكى، ھەرقانداق يېمەكلىكنىڭ ئۆزى ھارام ئەمەستۇر. لېكىن، مەلۇم يېمەكلىكنى ھارام دەپ قارىغان كىشى ئۈچۈن، ئۇ يېمەكلىك ھارامدۇر. ئەگەر سىلەر يېمەكلىكىڭلار سەۋەبىدىن ئېتىقادى ئاجىز بولغان قېرىندىشىڭلارنى ئۆز ۋىجدانى كۆتۈرمەيدىغان ئىشلارغا دەۋەت قىلساڭلار، مېھىر-مۇھەببەت يولىدا ماڭمىغان بولىسىلەر. سىلەر بۇ قېرىندىشىڭلارنى يېمەكلىك سەۋەبىدىن نابۇت قىلماڭلار. چۈنكى، ئەيسا مەسىھ ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۆز جېنىنى پىدا قىلغان. ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلار ياخشى دەپ قارىغان ئىشلارنى قىلغاندا باشقىلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىساڭلار، ئۇنداقتا بۇنداق ئىشلارنى قىلماڭلار! چۈنكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا يېمەك-ئىچمەك قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىپ ياشاش ئەمەس، بەلكى ھەققانىيلىق، ئىناقلىق ۋە مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان شاد-خۇراملىق ئىچىدە ياشاش مۇھىمدۇر. مۇنداق ياشاش بىلەن ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلغان كىشى خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزىمىزنى ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە بىر-بىرىمىزنىڭ ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەيدىغان ئىشلارغا ئاتايلى. يېمەكلىك سەۋەبىدىن، خۇدانىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى بۇزمايلى. ئەلۋەتتە، ھەممە يېمەكلىك ھالالدۇر. بىراق، بىر ئادەم ئۆزىنىڭ يېمەكلىكى سەۋەبىدىن باشقىلارنىڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈشىگە سەۋەبچى بولۇپ قالسا، بۇ دۇرۇس بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، گۆش يېيىش، شاراب ئىچىش، شۇنداقلا باشقا ئىشلارنى قىلىشىڭلار قېرىندىشىڭلارنىڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈشىگە سەۋەبچى بولسا، بۇلارنى قىلمىغىنىڭلار تۈزۈك. سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە بولغان ئىشەنچىڭلار ئۆزۈڭلار بىلەن خۇدا ئوتتۇرىسىدا بولسۇن. ئۆزى توغرا دەپ قارىغان ئىشلارنى قىلىپ، ئۆزى ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلمىغان كىشى نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! لېكىن، بىرەر يېمەكلىككە شەك كەلتۈرۈپ تۇرۇپ، يەنە شۇ يېمەكلىكنى يېگەن كىشى ۋىجدانىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرايدۇ. چۈنكى ئۇ كىشى ئۆزى يېگەن يېمەكلىكنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلالمىدى. توغرا ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ يوق ھالدا قىلىنغان ھەرقانداق ئىش گۇناھتۇر. ئېتىقادىمىز كۈچلۈك بولغان بىزلەر ھەرقانداق ئىش قىلغاندا، ئۆزىمىزنى قانائەتلەندۈرۈشنىلا ئويلىماستىن، ئېتىقادى ئاجىز قېرىنداشلىرىمىزغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك. ھەربىرىمىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئېتىقادىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇلارنى خۇرسەن قىلىشىمىز كېرەك. ئەيسا مەسىھمۇ ئۆزىنى ئەمەس، خۇدائاتىسىنى خۇرسەن قىلىشنى ئويلىدى. بۇ توغرىسىدا مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دېيىلگەن: «ئى خۇدا، سەن ھاقارەت قىلىنغان چاغلاردا، ئۆزۈم ھاقارەت قىلىنغاندەك بولدۇم.» مۇقەددەس يازمىلاردىكى سۆزلەرنىڭ ھەممىسى بىزگە تەلىم بولسۇن دەپ بۇرۇنلا يېزىپ قالدۇرۇلغان. خۇدانىڭ ۋەدىسىگە ئېرىشكەنگە قەدەر ئۇ سۆزلەر بىزنى رىغبەتلەندۈرىدۇ ۋە سەۋر-تاقەتلىك قىلىدۇ. سەۋر-تاقەت ۋە رىغبەت ئاتا قىلىدىغان خۇدا سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھنى ئۈلگە قىلىپ، ئۆزئارا ئىناق ياشىشىڭلار ئۈچۈن ياردەم قىلغاي. بۇنىڭ بىلەن، سىلەر خۇدانى، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسىنى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ۋە بىر ئېغىزدىن ئۇلۇغلىغايسىلەر. شۇڭا، ئەيسا مەسىھ سىلەرنى قوبۇل قىلغىنىدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى قوبۇل قىلىڭلار. شۇنداق بولغاندا، خۇداغا شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىسىلەر. سىلەرگە شۇنى ئېيتماقچىمەنكى، ئەيسا مەسىھ خۇدانىڭ ئۆز ۋەدىسىدە، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا قىلغان ۋەدىسىدە تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، يەھۇدىيلارنىڭ خىزمەتكارى بولدى. ئۇ يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭمۇ خۇدانىڭ مېھرىبانلىقىنى كۆرۈپ، خۇدانى مەدھىيىلىشى ئۈچۈن شۇنداق قىلدى. بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا: «شۇڭا، سېنى باشقا مىللەتلەر ئارىسىدا مەدھىيىلەيمەن ۋە نامىڭنى كۈيلەيمەن» دېگىنىدەك بولدى. مۇقەددەس يازمىلارنىڭ بىر يېرىدە: «ئەي باشقا مىللەتلەر، خۇدانىڭ تاللىغان خەلقى بىلەن بىللە شاد-خۇرام بولۇڭلار!» دېيىلگەن بولسا، يەنە بىر يېرىدە: «ئەي باشقا مىللەتلەر، رەببىمىزنى مەدھىيىلەڭلار، ئەي پۈتكۈل خەلقلەر، ئۇنى ئۇلۇغلاڭلار!» دېيىلگەن. يەشايا پەيغەمبەرمۇ مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دېگەن: «يىشاينىڭ ئەۋلادىدىن بىرى چىقىپ، باشقا مىللەتلەرگە ھاكىملىق قىلىدۇ. يەھۇدىي ئەمەسلەر ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلايدۇ.» ئېتىقاد يولىدا ماڭغىنىڭلاردا، ئۈمىدنىڭ مەنبەسى بولغان خۇدا قەلبىڭلارنى شاد-خۇراملىق ۋە تىنچ-ئامانلىققا تولدۇرغاي! بۇنىڭ بىلەن، سىلەر مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئارقىلىق ئۈمىدكە تولۇپ تاشقايسىلەر. قېرىنداشلار، مەن سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارنىڭ ياخشىلىققا تولغانلىقىغا ۋە ئۆزۈڭلارغا كېرەكلىك بىلىمگە تولۇق ئىگە بولۇپ، بىر-بىرىڭلارغا نەسىھەت بېرەلەيدىغانلىقىڭلارغا قايىلمەن. شۇنداق بولسىمۇ، بەزى ئىشلارنى سىلەرنىڭ سەمىڭلارغا سېلىش ئۈچۈن، بۇ خېتىمنى جۈرئەتلىك ھالدا ئوچۇق يازدىم. مەن خۇدا ماڭا ئاتا قىلغان مېھىر-شەپقەت ئارقىلىق خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈش خىزمىتىدە يەھۇدىي ئەمەسلەر ئۈچۈن خۇددى روھانىيلاردەك ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى بولدۇم. بۇنىڭدىن مەقسەت، يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ مۇقەددەس روھ ئارقىلىق پاكلىنىپ، خۇددى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىقتەك، خۇدا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈندۇر. شۇڭا، ئەيسا مەسىھكە تايىنىپ، خۇدا ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىمدىن پەخىرلىنىمەن. باشقا كىشىلەر سالغان ئۇلنىڭ ئۈستىگە بىنا سالماسلىق ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھنىڭ نامى ئەزەلدىن ئاڭلانمىغان يەرلەردە بۇ خۇش خەۋەرنى تارقىتىشقا تىرىشىپ كەلدىم. بۇ توغرىسىدا مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «خۇدادىن خەۋەرسىزلەر ئۇنى تونۇيدۇ، ئاڭلىمىغانلار ئاڭلاپ چۈشىنىدۇ.» يېنىڭلارغا بېرىشنى كۆپ قېتىم ئويلىغان بولساممۇ، لېكىن مانا شۇ خىزمەتلىرىم سەۋەبىدىن بارالمىدىم. بىراق، ھازىر يېرۇسالېمغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى ئېتىقادچىلارغا ھەدىيىنى تاپشۇرۇپ بېرىشىمگە توغرا كېلىۋاتىدۇ. چۈنكى، ماكېدونىيە ۋە يۇنان ئۆلكىلىرىدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئىئانە توپلاپ، يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلار ئارىسىدىكى يوقسۇللارغا ياردەم بېرىشنى لايىق تاپتى. ئۇلار بۇ ئىشنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن قىلدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئۇلارنىڭمۇ قەرزى ئىدى. چۈنكى، يەھۇدىي ئەمەسلەر يەھۇدىيلارغا خاس بولغان روھىي جەھەتتىكى بەختتىن بەھرىمەن بولغانىكەن، ئۇنداقتا يەھۇدىي قېرىنداشلىرىمىزمۇ ئۇلارنىڭ ماددىي جەھەتتىكى ياردىمىگە ئېرىشىشكە لايىقتۇر. مەن بۇ ئىئانىنى ئۇلارغا تىنچ-ئامان تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، سىلەرگە يولۇقۇپ، ئاندىن ئىسپانىيىگە بارىمەن. ماڭا مەلۇمكى، يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، ئەيسا مەسىھ مەن ئارقىلىق سىلەرگە مول بەخت ئاتا قىلىدۇ. قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ خىزمىتىمنى قوللاش يۈزىسىدىن مەن ئۈچۈن خۇداغا دۇئا قىلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ۋە مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان مېھىر-مۇھەببەتكە ئىگە بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، شۇنداق قىلغايسىلەر. مېنىڭ يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماسلىقىم ۋە مەن ئالغاچ بارىدىغان بۇ ئىئانىنى يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلارنىڭ قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن، دۇئا قىلغايسىلەر. شۇنداق قىلساڭلار، خۇدا بۇيرۇسا، شاد-خۇراملىق بىلەن يېنىڭلارغا بېرىپ، سىلەر بىلەن بىللە ئىستىراھەت قىلالايمەن. ئامانلىق بەرگۈچى خۇدا ھەممىڭلار بىلەن بىللە بولغاي، ئامىن! كېنھېرىيە شەھىرىدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ خىزمەتچىسى بولغان سىڭلىمىز فىبىنى سىلەرگە تونۇشتۇرىمەن. سىلەر ئۇنى رەببىمىزگە مەنسۇپ دەپ قاراپ، خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىدە بولۇشقا تېگىشلىك قىزغىنلىق بىلەن كۈتۈۋالغايسىلەر. ئۇنىڭ سىلەردىن كۈتكەن ھەرقانداق ئېھتىياجىغا ياردەم قىلغايسىلەر. چۈنكى، ئۇ نۇرغۇن كىشىلەرگە، شۇنىڭدەك ماڭىمۇ چوڭ ياردەم قىلغان. ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلىش يولىدا بىرگە ئىشلىگەن خىزمەتداشلىرىم پرىسكىلا بىلەن ئېرى ئاكۋىلاغا سالام ئېيتقايسىلەر. ئۇلار مەن ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنىڭ خېيىمخەتەرگە ئۇچرىشىغا قارىمىدى. يالغۇز مەنلا ئەمەس، يەھۇدىي بولمىغان ھەممە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىمۇ ئۇلاردىن مىننەتداردۇر. ئۇلارنىڭ ئۆيىدە جەم بولىدىغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگىمۇ سالام ئېيتقايسىلەر. ئاسىيا ئۆلكىسىدە بىرىنچى بولۇپ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان سۆيۈملۈك ئېپەنىتكە سالام ئېيتقايسىلەر. سىلەر ئۈچۈن كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن مەريەمگە سالام ئېيتقايسىلەر. زىنداندا مەن بىلەن بىللە ياتقان يەھۇدىي قېرىنداشلىرىم ئاندرونىك ۋە يۇنىيەگە سالام ئېيتقايسىلەر. ئۇلار مەندىن بۇرۇن ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان بولۇپ، تونۇلغان ئەلچىلەردۇر. رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغان قەدىرلىك قېرىندىشىم ئامپىلىياتقا سالام ئېيتقايسىلەر. ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلىش يولىدا بىرگە ئىشلىگەن خىزمەتدىشىمىز ئۇربان ۋە قەدىرلىك ستاخىسلارغا سالام ئېيتقايسىلەر. سىناقلاردىن ئۆتكەن، ئەيسا مەسىھكە باشتىن-ئاخىر سادىق بولۇپ كەلگەن ئاپېلىسقا سالام ئېيتقايسىلەر. ئارىستوۋۇلنىڭ ئائىلىسىدىكى ئېتىقادچىلارغا سالام ئېيتقايسىلەر. يەھۇدىي قېرىندىشىم ھىرودىيونغا، ناركىسنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلارغا سالام ئېيتقايسىلەر. رەببىمىزنىڭ خىزمىتىدە جاپالىق ئىشلەۋاتقان ترىفېنا ۋە ترىفوسا خانىملارغا سالام ئېيتقايسىلەر. رەببىمىزنىڭ خىزمىتىدە جاپالىق ئىشلەۋاتقان قەدىرلىك دوستۇم پېرسىس خانىمغا سالام ئېيتقايسىلەر. رەببىمىزنىڭ خىزمىتىدە ئالاھىدە تونۇلغان رۇفۇسقا ۋە ئۇنىڭ ماڭا ئانىلىق مېھرىنى يەتكۈزگەن ئانىسىغا سالام ئېيتقايسىلەر. ئاسىنكرىت، فىلىگون، ھېرمىس، پاتروۋاس، ھېرمىس ۋە ئۇلار بىلەن دائىم جەم بولىدىغان قېرىنداشلارغا سالام ئېيتقايسىلەر. فىلولوگ ۋە يۇلياغا، نېرىي ۋە ئۇنىڭ سىڭلىسىغا، ئولىمپاس ۋە ئۇلار بىلەن دائىم جەم بولىدىغان بارلىق ئېتىقادچىلارغا سالام ئېيتقايسىلەر. بىر-بىرىڭلار بىلەن مېھرىبانلارچە سالاملىشىڭلار. بۇ يەردىكى ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان ھەممە جامائەتچىلىكتىن سىلەرگە سالام. قېرىنداشلار، سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، سىلەر ئۆگەنگەن تەلىمگە زىت تەلىم بېرىش بىلەن، ئاراڭلاردا بۆلۈنۈش ۋە ئېتىقادىڭلاردا تەۋرىنىش پەيدا قىلىدىغان كىشىلەردىن پەخەس بولۇڭلار، ئۇلاردىن يىراقلىشىڭلار. بۇنداق كىشىلەر رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە ئەمەس، بەلكى ئۆز نەپسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئۇلار سىلىق-سىپايە گەپلەر ۋە خۇشامەتچىلىك قىلىش بىلەن ساددا ئادەملەرنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرىدۇ. سىلەرنىڭ رەببىمىزگە ئىتائەتمەن ئىكەنلىكىڭلاردىن ھەممەيلەن خەۋەر تاپتى. شۇڭا، سىلەردىن ناھايىتى خۇرسەنمەن. بىراق، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتا ئاقىل بولۇشۇڭلارنى، يامان ئىشلاردىن خالىي بولۇشۇڭلارنى خالايمەن. ئامانلىق بەرگۈچى خۇدا ئۇزۇن ئۆتمەي شەيتاننى ئاياغ ئاستىڭلاردا ئېزىدۇ. رەببىمىز ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي. خىزمەتدىشىم تىموتىي ۋە يەھۇدىي قېرىنداشلىرىم لۇكى، ياسۇن ھەم سوسىپاتېرلاردىن سىلەرگە سالام. (مەنكى ئۇشبۇ خەتنى پاۋلۇسنىڭ ئېيتقانلىرى بويىچە يېزىپ بېرىۋاتقان تېرتىيمۇ رەببىمىز يولىدا سىلەرگە سالام يوللايمەن.) مەنكى پاۋلۇسقا ۋە ئۆز ئۆيىدە جەم بولىدىغان پۈتۈن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە ساھىبخانىلىق قىلىدىغان گايۇستىن سىلەرگە سالام. شەھەرنىڭ خەزىنىچىسى ئېراست ۋە قېرىندىشىمىز كۋارتلاردىن سىلەرگە سالام. } رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي، ئامىن!{ بارلىق شان-شەرەپ خۇداغا مەنسۇپ بولغاي! خۇدا مەن يەتكۈزگەن خۇش خەۋەر ئارقىلىق ئېتىقادىڭلارنى مۇستەھكەملەيدۇ. بۇ خۇش خەۋەر ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەر بولۇپ، ئۇ قەدىمدىن بېرى ساقلىنىپ كەلگەن سىردۇر. ئەمدى بۇ سىر خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە ۋە بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدا يېزىلغىنىدەك ئاشكارىلاندى ھەمدە يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشى ئۈچۈن ئۇلارغا يەتكۈزۈلمەكتە. بارلىق شان-شەرەپ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق دانا ۋە يېگانە خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن! خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي! سىلەر ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇدا سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ئاتا قىلدى. شۇ سەۋەبتىن، مەن سىلەر ئۈچۈن دائىم خۇداغا شۈكۈر ئېيتىمەن. چۈنكى، سىلەر ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇدا سىلەرگە كۆپ ئىلتىپات كۆرسىتىپ، سىلەرنى ئۆزى ھەققىدە مول بىلىمگە ۋە بۇ بىلىمنى باشقىلارغا يەتكۈزىدىغان سۆز قابىلىيىتىگە ئىگە قىلدى. بۇ، مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقىي ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. سىلەر رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ قايتا كېلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان ھېچقانداق ھەدىيىدىن كەم قالمىدىڭلار. سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەن كۈندە ئەيىبسىز بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، خۇدا ئېتىقادىڭلارنى تا ئاخىرغىچە مۇستەھكەملەيدۇ. سىلەرنى ئوغلى، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ بىلەن زىچ باغلىنىشقا چاقىرغان خۇدا چوقۇم شۇنداق قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ ئىشەنچلىكتۇر. قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن ھەممىڭلارنى ئىتتىپاقلىشىشقا، بۆلۈنمەسلىككە، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بىرلىشىشكە ئۈندەيمەن. قېرىنداشلىرىم، كلوۋىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن ئاڭلىشىمچە، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىڭلاردا تالاش-تارتىشلار بار ئىكەن. دېمەكچى بولغىنىم، ئاڭلىسام بەزىلىرىڭلار «مەن پاۋلۇس تەرەپدارى»، بەزىلىرىڭلار «مەن ئاپوللوس تەرەپدارى»، بەزىلىرىڭلار بولسا «مەن پېترۇس تەرەپدارى»، يەنە بەزىلىرىڭلار «مەن ئەيسا مەسىھ تەرەپدارى» دەپ يۈرۈپسىلەر. ئەجەبا، ئەيسا مەسىھنى پارچىلاش مۇمكىنمۇ؟ سىلەر ئۈچۈن كرېستكە مىخلانغان ئادەم مەنمىدىم؟ سىلەر مېنىڭ نامىم بىلەن چۆمۈلدۈرۈلگەنمىدىڭلار؟ مەن ئاراڭلاردىن كرىسپۇس بىلەن گايۇستىن باشقا ھېچقايسىڭلارنى چۆمۈلدۈرمىگەنلىكىم ئۈچۈن، خۇداغا شۈكۈر ئېيتىمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھېچكىم پاۋلۇسنىڭ نامى بىلەن چۆمۈلدۈرۈلدۈم، دېيەلمەيدۇ. دۇرۇس، يەنە ئىستىپاناسنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىمۇ چۆمۈلدۈردۈم. بۇلاردىن باشقىلارنى چۆمۈلدۈرگەن-چۆمۈلدۈرمىگەنلىكىمنى ئەسلىيەلمەيمەن. ئەيسا مەسىھ مېنى كىشىلەرنى چۆمۈلدۈرۈشكە ئەمەس، بەلكى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتتى. مەن بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاشتا ناتىقلىق قىلىپ، ئىنسان تەرىپىدىن دانا سانالغان سۆزلەرنى ئىشلەتمىدىم. ئەگەر مەن بۇنداق سۆزلەرنى ئىشلەتسەم، ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتىكى قۇربانلىقى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ كۈچ-قۇدرىتى يوقىلىپ كەتكەن بولاتتى. ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتىكى قۇربانلىقى توغرىسىدىكى بۇ خۇش خەۋەر مەڭگۈلۈك ئۆلۈمگە يۈز تۇتقانلارغا نىسبەتەن بىر ئەخمىقانىلىكتۇر. لېكىن، قۇتقۇزۇلۇش يولىدا مېڭىۋاتقان بىزلەر ئۈچۈن، ئۇ خۇدانىڭ بىزنى قۇتقۇزىدىغان كۈچ-قۇدرىتىدۇر. مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: «ئۆزلىرىنى دانىشمەن سانايدىغانلارنىڭ دانالىقىنى يوققا چىقىرىمەن، ئۆزلىرىنى ئەقىللىق چاغلايدىغانلارنىڭ ئەقلىنى بىكار قىلىمەن.» ئۇنداقتا، قېنى ئۇ، ئىنسان تەرىپىدىن دانا سانالغانلار؟ قېنى ئۇ، ئۆزىنى ئەقىللىق سانايدىغان ئۆلىمالار؟ قېنى ئۇ، بۇ زاماندىكى پەيلاسوپلار؟ خۇدا بۇ دۇنيادىكى دانالىقنىڭ ئەمەلىيەتتە ئەخمىقانىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ئەمەسمۇ؟ چۈنكى، خۇدا ئۆزىنىڭ دانالىقى بىلەن شۇنى بەلگىلىگەنكى، ئىنسانلار ئۆز ئەقىل-پاراسىتىگە تايىنىپ، ھەرگىز خۇدانى تونۇيالمايدۇ. خۇدانىڭ ئىرادىسى بولسا «ئەخمىقانىلىك» دەپ قارالغان بۇ خۇش خەۋەر ئارقىلىقلا ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغانلارنى قۇتقۇزۇشتۇر. يەھۇدىيلار بۇ خۇش خەۋەرنىڭ راستلىقىنىڭ مۆجىزىلەر ئارقىلىق ئىسپاتلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. گرېكلار بولسا بۇ دۇنيادىكى دانالىقنى قوغلاشقاچقا، بۇ خۇش خەۋەر ئۇلارنى جەلپ قىلالمايدۇ. شۇنداقتىمۇ، بىز يەتكۈزۈۋاتقان خۇش خەۋەر يەنىلا ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستكە مىخلىنىپ قۇربان بولۇشىدىن ئىبارەتتۇر. يەھۇدىيلار ئۇنى ھاقارەت دەپ قارىسا، گرېكلار ئۇنى ئەخمىقانىلىك دەپ قارايدۇ. ھالبۇكى، مەيلى يەھۇدىي ياكى يەھۇدىي ئەمەسلەر بولسۇن، خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستكە مىخلىنىپ ئۆلۈشىنى خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە دانالىقى، دەپ بىلىدۇ. چۈنكى، خۇدانىڭ بۇ دانالىقىنى ئىنسانلار نادانلىق دەپ ھېسابلىغان بولسىمۇ، بۇ «نادانلىق» ئۇلارنىڭ دانالىقىدىن ئۈستۈن، خۇدانىڭ بۇ كۈچ-قۇدرىتىنى ئىنسانلار ئاجىز دەپ ھېسابلىغان بولسىمۇ، بۇ «ئاجىزلىق» ئۇلارنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدىن كۈچلۈكتۇر. قېرىنداشلار، خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغان ۋاقىتتىكى ئەھۋالىڭلارنى ئەسلەپ كۆرۈڭلار. كۆپچىلىكىڭلار بۇ دۇنيانىڭ ئۆلچىمى بويىچە قارىغاندا، ئاقىللار، كۈچلۈكلەر ياكى ئاقسۆڭەكلەردىن ئەمەس ئىدىڭلار. لېكىن، خۇدا بۇ دۇنيانىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئاقىل سانالغانلارنى خىجالەتچىلىكتە قالدۇرۇش ئۈچۈن، ئىنسانلارنىڭ ئىچىدىكى نادان ھېسابلانغانلارنى تاللىدى. بۇ دۇنيانىڭ ئۆلچىمى بويىچە كۈچلۈك سانالغانلارنى خىجالەتچىلىكتە قالدۇرۇش ئۈچۈن، خۇدا ئىنسانلار ئاجىز دەپ قارىغانلارنى تاللىدى. خۇدا، بۇ دۇنيادا مۇھىم دەپ قارالغان ئىشلارنىڭ ئۆزىنىڭ نەزىرىدە ھېچ نەرسە ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئەھمىيەتسىز، قەدىرسىز دەپ قارالغان ۋە كۆزگە ئىلىنمايدىغان ئىشلارنى تاللىدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت، خۇدانىڭ ئالدىدا ھېچقانداق ئادەمنىڭ «مەن تاللىنىشقا ئەرزىيمەن» دەپ ماختىنالماسلىقىدۇر. سىلەر خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولدۇڭلار. خۇدا ئۇنى بىزنىڭ دانالىقىمىزنىڭ مەنبەسى قىلدى. بىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا ئالدىدا ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندۇق. ئۇ بىزنى پاك قىلىپ، گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇقەددەس يازمىلاردا: «ماختىنىدىغانلار رەببىمىز بىلەن ماختانسۇن» دەپ يېزىلغان. قېرىنداشلار، مەن يېنىڭلارغا بېرىپ، خۇدانىڭ سۆزلىرىنى سىلەرگە جاكارلىغىنىمدا، ناتىقلىق قىلغىنىم يوق، ئىنسانلار دانا دەپ ھېسابلىغان سۆزلەرنىمۇ ئىشلەتكىنىم يوق. چۈنكى، ئاراڭلاردىكى ۋاقتىمدا پەقەت ئەيسا مەسىھ ۋە ئۇنىڭ كرېستكە مىخلانغانلىقىدىن باشقا بىرنەرسە دېمەسلىكنى قارار قىلغانىدىم. سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، ئاجىزلىقىمدىن بۇ ۋەزىپىنى قانداق ئورۇنلارمەن دەپ قورقۇپ، ھەتتا تىترەپ كەتكەنىدىم. مەن سىلەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈپ، تەلىم بەرگىنىمدە، ئىنسانلار دانا دەپ ھېسابلايدىغان، سىلەرنى قايىل قىلالايدىغان سۆزلەرنى ئىشلەتمىدىم. لېكىن، مۇقەددەس روھ ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ، مەن يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقەتەن خۇدادىن كەلگەنلىكى ھەققىدە سىلەرگە ئىشەنچ بەردى. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتىم، ئېتىقادىڭلار ئىنسانلارنىڭ دانالىقىغا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە ئاساسلانسۇن دېگەندىن ئىبارەت ئىدى. ئەلۋەتتە، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغۇچىلار بىزنىڭ يەتكۈزۈۋاتقانلىرىمىزدا دانالىقنىڭ بارلىقىنى تونۇپ يېتەلەيدۇ. بىراق، بۇ دانالىق دۇنيانىڭ دانالىقى ئەمەس، شۇنداقلا بۇ دۇنيانىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتقان ھوقۇقدارلىرىنىڭ دانالىقىمۇ ئەمەس؛ ئەكسىچە، خۇدانىڭ ئىنسانلارغا بۇرۇن ئاشكارىلىمىغان دانالىقىدۇر. بۇ دانالىقنى خۇدا دۇنيانى يارىتىشتىن ئىلگىرى، بىزنىڭ ئەرشتىكى شان-شەرەپكە ئېرىشىشىمىز ئۈچۈن ئالدىنئالا بەلگىلىگەن. بۇ دانالىقنى بۇ دۇنيانىڭ ھوقۇقدارلىرىدىن ھېچقايسىسى چۈشىنىپ يەتمىدى. چۈشىنىپ يەتكەن بولسىدى، ئۇلۇغلۇقنىڭ ئىگىسى بولغان رەببىمىزنى كرېستكە مىخلىمىغان بولاتتى. ھالبۇكى، مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «خۇدانى سۆيگەنلەرگە خۇدانىڭ تەييارلىغانلىرى دەل ھېچقانداق كۆز كۆرۈپ باقمىغان، ھېچقانداق قۇلاق ئاڭلاپ باقمىغان، ھېچقانداق ئادەم ئويلاپ باقمىغان نەرسىلەردۇر.» لېكىن، خۇدا بۇ سىرلارنى بىزگە مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئاشكارىلىدى. چۈنكى، مۇقەددەس روھ ھەممە ئىشنى، ھەتتا خۇدانىڭ چوڭقۇر ئوي-پىكىرلىرىنىمۇ بىلىدۇ. بىر ئادەمنىڭ قەلبىدىكى ئويلىرىنى شۇ ئادەمدىن باشقا ھېچكىم بىلەلمىگىنىدەك، خۇدانىڭ قەلبىدىكى ئويلىرىنىمۇ خۇدانىڭ روھىدىن باشقا ھېچكىم بىلەلمەيدۇ. بىز بولساق بۇ دۇنيانىڭ ئاقىللىقىنى ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنى قوبۇل قىلدۇق. شۇڭا، بىز خۇدانىڭ بىزگە سېخىيلىق بىلەن ئاتا قىلغان مېھىر-شەپقىتىنى چۈشىنەلەيمىز. بۇ مېھىر-شەپقەت توغرىسىدا سۆزلىگىنىمىزدە، دۇنيادىكى دانالاردىن ئۆگەنگەن سۆزلەرنى ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئۆگەنگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىمىز. بىز بۇنداق سۆزلەر بىلەن خۇدادىن كەلگەن ھەقىقەتلەرنى چۈشەندۈرىمىز. لېكىن، قەلبىدە خۇدانىڭ روھى بولمىغان كىشىلەر خۇدانىڭ روھى ئاتا قىلغان بۇ ھەقىقەتلەرنى قوبۇل قىلالمايدۇ، شۇنداقلا بۇ ئىشلار ئۇلارغا بىمەنە تۇيۇلىدۇ. بۇنداق كىشىلەر بۇ ئىشلارنى چۈشىنەلمەيدۇ. چۈنكى، بۇ ئىشلارنى پەقەت خۇدانىڭ روھىنىڭ ياردىمى ئارقىلىقلا چۈشەنگىلى بولىدۇ. قەلبىدە خۇدانىڭ روھى بار بولغان كىشى ھەممە ئىشقا باھا بېرەلەيدۇ. لېكىن، ئۇنىڭغا قەلبىدە خۇدانىڭ روھى بولمىغان ھېچقانداق كىشى باھا بېرەلمەيدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: «پەرۋەردىگارنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى كىم بىلەلىسۇن؟ ئۇنىڭغا كىم يول كۆرسىتەلىسۇن؟» لېكىن، بىز بولساق خۇدانىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى چۈشىنەلەيمىز. چۈنكى، بىزنىڭ ئوي-پىكرىمىز ئەيسا مەسىھنىڭكىگە ئوخشاشتۇر. قېرىنداشلار، مەن ئاراڭلاردا بولغان چېغىمدا، سىلەرگە مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشاۋاتقانلارغا تەلىم بەرگەندەك تەلىم بېرەلمىدىم. ئەكسىچە، سىلەرگە گۇناھنىڭ ئىلكىدە ياشاۋاتقانلارغا ياكى ئېتىقاد جەھەتتە خۇددى بوۋاقلارغا ئوخشاش ئادەملەرگە سۆزلىگەندەك سۆزلەشكە مەجبۇر بولدۇم. مەن سىلەرگە بەرگەن تەلىم چوڭلارنىڭ ئوزۇقى ئەمەس، بەلكى ئۇ خۇددى بوۋاقلار ئىچىدىغان سۈتكە ئوخشايدۇ. بۇنداق قىلىشىمدىكى سەۋەب، سىلەر يىرىك يېمەكلىكنى يېيەلمەيتتىڭلار، ھازىرمۇ يېيەلمەيۋاتىسىلەر. چۈنكى، سىلەر تېخىچە گۇناھنىڭ ئىلكىدە ياشاۋاتىسىلەر. ئاراڭلاردىكى ھەسەتخورلۇق ۋە جېدەل-ماجىرالارنىڭ بولۇشى بۇنى ئىسپاتلىمامدۇ؟ بۇ يەنە سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولمىغان كىشىلەردەك ياشاۋاتقىنىڭلارنى كۆرسەتمەمدۇ؟ بىرىڭلار: «مەن پاۋلۇس تەرەپدارى»، يەنە بىرىڭلار: «مەن ئاپوللوس تەرەپدارى» دېسەڭلار، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغان كىشىلەردىن نېمە پەرقىڭلار بولسۇن؟ ئاپوللوس ياكى مەنكى پاۋلۇس سىلەرنىڭ بۆلۈنۈشۈڭلارغا سەۋەب بولغۇدەك مۇھىم كىشىلەردىن ئەمەسمىز. بىز پەقەت خۇدا يولىدا سىلەرنى رەببىمىزگە ئېتىقاد قىلىشقا باشلايدىغان خىزمەتكارلارمىز. رەببىمىز ھەربىرىمىزگە بىردىن ۋەزىپە بەرگەن. مەن سىلەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش بىلەن ئېتىقاد ئۇرۇقىنى تېرىدىم، ئاپوللوس سىلەرگە تەلىم بېرىش ئارقىلىق ئۇنى سۇغاردى، بىراق قەلبىڭلاردىكى ئۇرۇقنى ئۆستۈرگۈچى يەنىلا خۇدادۇر. دېمەك، مۇھىمى تېرىغۇچى ياكى سۇغارغۇچى ئەمەس، بەلكى ئۇنى ئۆستۈرگۈچى خۇدادۇر. چۈنكى، پەقەت خۇدالا سىلەرنى ئېتىقاد جەھەتتە پىشىپ يېتىلدۈرەلەيدۇ. تېرىغۇچى بىلەن سۇغارغۇچىنىڭ ئىشى ئۆزئارا ماسلاشقان بولۇپ، ئىككىسىنىڭ مەقسىتى بىردۇر ۋە ھەر ئىككىسى قىلغان ئەجرىگە يارىشا خۇدانىڭ ئىنئامىغا ئېرىشىدۇ. بىز ئىككىمىز خۇدا ئۈچۈن ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلار. سىلەر بولساڭلار گويا بىز ئىشلەۋاتقان، خۇداغا مەنسۇپ بولغان ئېتىزغا ئوخشايسىلەر. شۇنداقلا، سىلەر يەنە بىز ئارقىلىق سېلىنىۋاتقان خۇدانىڭ ئىمارىتىگە ئوخشايسىلەر. مەن خۇدا ماڭا ئاتا قىلغان مېھىر-شەپقەت بىلەن بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش ئارقىلىق بۇ ئىمارەتنىڭ ئۇلىنى خۇددى بىر ئۇستا قۇرۇلۇشچىدەك قويدۇم. باشقىلار سىلەرگە تەلىم بېرىش ئارقىلىق بۇ ئۇلنىڭ ئۈستىگە ئىمارەت سېلىۋاتىدۇ. بىراق، ھەركىم بۇ ئىمارەتنىڭ توغرا سېلىنىشىغا دىققەت قىلسۇن. چۈنكى، ھېچكىم قويۇلۇپ بولغان ئۇلدىن، يەنى ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەردىن باشقا ھېچقانداق ئۇل قويالمايدۇ. بىر كىشى توغرا تەلىم بەرسە، ئۇ خۇددى ئۇل ئۈستىگە ئالتۇن، كۈمۈش ياكى باشقا چىداملىق ۋە قىممەتلىك تاشلارنى قويغاندەك ئىش قىلغان بولىدۇ. لېكىن، بىر كىشى نامۇۋاپىق تەلىم بەرسە، ئۇ خۇددى ئۇل ئۈستىگە ياغاچ، سامان ياكى قومۇشتىن ئىبارەت ئاسان كۆيۈپ كېتىدىغان نەرسىلەرنى قويغاندەك ئىش قىلغان بولىدۇ. قىيامەت كۈنى، ھەركىمنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجرىنىڭ قانداقلىقى ئاشكارا بولىدۇ. ئۇ كۈنى، ھەممە ئادەمنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجرىنىڭ قىممىتى ئوتتا سىنىلىدۇ. ئەگەر بىر كىشىنىڭ ئۇل ئۈستىگە قويغان ماتېرىياللىرى ئوتقا بەرداشلىق بېرەلىسە، ئۇ كىشى خۇدادىن ئىنئام ئالىدۇ. قويغان ماتېرىياللىرى كۆيۈپ كەتسە، ئۇ ئىنئامدىن مەھرۇم بولىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن، قۇتقۇزۇلىدۇ. لېكىن، ئۇ خۇددى ئوت ئىچىدىن قۇتۇلۇپ چىققان ئادەمگە ئوخشايدۇ. ئەجەبا، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى ئىكەنلىكىڭلارنى ۋە خۇدانىڭ روھىنىڭ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بولىدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ ئەگەر بىر كىشى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى خاراب قىلسا، خۇدامۇ ئۇنى خاراب قىلىدۇ. چۈنكى، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى خۇداغا بېغىشلانغاندۇر. سىلەر ھەممىڭلار، يەنى خۇداغا مەنسۇپ بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى دەل خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى. سىلەر ئۆزۈڭلارنى باشقىلاردىن دانا چاغلاپ، ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالدىماڭلار. ئەگەر ئاراڭلاردىن بىرەرسى خۇدانى تونۇمايدىغانلارنىڭ كۆز قارىشى بويىچە ئۆزىنى دانا دەپ ھېسابلىسا، ئۇنداقتا ئۇ بۇ دانالىقىدىن ۋاز كەچسۇن. بۇنداق بولغاندا، ئۇ گەرچە خۇدانى تونۇمايدىغانلارنىڭ نەزىرىدە «نادان» دەپ قارالسىمۇ، لېكىن خۇدانىڭ نەزىرىدە دانا ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، خۇدانى تونۇمايدىغانلار نېمىنى دانالىق دەپ ھېسابلىسا، خۇدانىڭ نەزىرىدە بۇ خىل «دانالىق» ئەقىلسىزلىقتۇر. مۇقەددەس يازمىلاردا بۇنداق دانالار توغرىسىدا: «خۇدا ئۆزلىرىنى دانا دەپ سانايدىغانلارنى ئۆزلىرىنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ قاپقىنىغا دەسسىتىدۇ» دەپ يېزىلغان. مۇقەددەس يازمىلارنىڭ يەنە بىر يېرىدە: «خۇدا دانىشمەنلەرنىڭ ئوي-پىكرىنىڭ بىھۇدە خىيال ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ» دەپ يېزىلغان. سىلەر بولساڭلار ئەيسا مەسىھكە، ئەيسا مەسىھ بولسا خۇداغا مەنسۇپتۇر. شۇنداق ئىكەن، سىلەر بىزنى پەقەت ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارلىرى، دەپ قارىشىڭلار كېرەك. خۇدا بىزگە ئۆزىنىڭ بۇرۇن ئاشكارىلىمىغان ھەقىقەتلىرىنى سىلەرگە چۈشەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغان. بىرەر ۋەزىپىنى ئىجرا قىلغۇچىلاردىن تەلەپ قىلىنىدىغىنى ئىشەنچلىك بولۇشتۇر. سىلەر ئېيتىڭلارچۇ، مەن ئىشەنچلىك خىزمەتكارمۇ؟ كىشىلەر ماڭا قانداق باھا بەرسە بېرىۋەرسۇن. ئىشقىلىپ، ئۇلارنىڭ باھاسى ماڭا نىسبەتەن ئەرزىمەس بىر ئىشتۇر. ھەتتا ئۆزۈممۇ ئۆزۈمگە باھا بەرمەيمەن. مەن ئۆز خىزمىتىمدە خاتالىق يوق دەپ قارىساممۇ، لېكىن بۇ پىكرىم ئۆزۈمنى ئاقلىيالمايدۇ. خىزمىتىمنى باھالىغۇچى پەقەت رەببىمدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، رەببىمىز قايتىپ كەلمىگۈچە، باشقىلارنىڭ خىزمىتىگە باھا بەرمەڭلار. چۈنكى، ئۇ قايتىپ كەلگەندە، كىشىلەرنىڭ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە يوشۇرۇنغان بارلىق ئىشلىرىنى يورۇقلۇققا چىقىرىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ قەلبىدىكى مەقسەتلىرىنى ئاشكارىلايدۇ. ئۇ چاغدا، خۇدا ھەركىمنى ئۆزىگە تېگىشلىك ماختاشقا سازاۋەر قىلىدۇ. قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ مەنپەئىتىڭلار ئۈچۈن بۇ ئىشلارغا ئۆزۈمنى ۋە ئاپوللوسنى مىسال قىلدىم. مېنىڭ مەقسىتىم، سىلەرنىڭ «مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغانلارغا خىلاپلىق قىلماڭلار» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ، بىرىمىزنى يەنە بىرىمىزدىن ئۈستۈن باھالاپ ماختانماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر. نېمىشقا سىلەر ئۆزۈڭلارنى باشقىلاردىن ئۈستۈن دەپ قارايسىلەر؟ ئەجەبا، سىلەردە بار بولغان بارلىق ئىلتىپاتلار خۇدا تەرىپىدىن بېرىلمىگەنمۇ؟ ئۇنداقتا، سىلەر نېمىشقا بۇ ئىلتىپاتلارغا خۇددى ئۆزۈڭلارغا تايىنىپ ئېرىشكەندەك ماختىنىسىلەر؟ سىلەر ھازىر بىز موھتاج بولغان ھەممە ئىلتىپاتلارغا ئىگە بولدۇق، ئېتىقاد جەھەتتىكى بارلىق قابىلىيەتلەرگە ئېرىشتۇق، دەپ ئويلايدىكەنسىلەر-دە!؟ سىلەر ئۆزۈڭلارچە كۆرەڭلەپ، بىزنى كۆزگە ئىلماي، ئۆزۈڭلارلا پادىشاھتەك بولۇۋاپسىلەر-دە!؟ مەن ھەقىقەتەنمۇ سىلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ھۆكۈم سۈرۈشۈڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى، راستتىنلا شۇنداق بولغان بولساڭلار، بىزمۇ سىلەر بىلەن بىللە ھۆكۈم سۈرگەن بولاتتۇق! لېكىن مېنىڭچە، خۇدا بىز ئەلچىلەرنى ئەڭ تۆۋەن ئورۇنغا قويدى. چۈنكى، بىز خۇددى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ، سازايى قىلىنغان مەھبۇسلاردەك، پۈتكۈل كائىنات، يەنى پەرىشتىلەر ۋە ئىنسانلار ئالدىدا تاماشىغا قالدۇق. بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، كۆپچىلىك تەرىپىدىن نادانلار دەپ قارالدۇق، لېكىن سىلەر بولساڭلار ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارنى «ئەقىللىق» دەپ قاراۋاتىسىلەر. بىز ئاجىز دەپ قارالدۇق. لېكىن، سىلەر بولساڭلار ئۆزۈڭلارنى ئېتىقادىمىز «كۈچلۈك» دەپ ھېسابلاۋاتىسىلەر. سىلەر ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدۇڭلار، لېكىن بىز بولساق كەمسىتىلدۇق! بىز تا ھازىرغىچە پات-پاتلا ئاچ-يالىڭاچ، ئۇرۇپ-سوقۇلۇش، سەرسانلىق-سەرگەردانلىقتا يۈرۈۋاتىمىز. ئىككى بىلىكىمىزگە تايىنىپ، ئىشلەپ جان بېقىۋاتىمىز. بىزگە تىل-ئاھانەت قىلغانلارغا بەخت تىلەۋاتىمىز، زىيانكەشلىككە ئۇچرىساق، بەرداشلىق بېرىۋاتىمىز. تۆھمەت قىلىنساق، مېھرىبانلارچە جاۋاپ قايتۇرۇۋاتىمىز. بىز تا ھازىرغىچە دۇنيانىڭ ئەخلىتى، ئىنسانلارنىڭ سۈپۈرۈندىسى، دەپ قارىلىۋاتىمىز. بۇ سۆزلەرنى يېزىشتىكى مەقسىتىم، سىلەرنى خىجىل قىلىش ئەمەس، بەلكى سىلەرنى سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرىم دەپ قاراپ، سىلەرگە تەلىم بېرىشتۇر. ئەيسا مەسىھكە باغلانغان يېڭى ھاياتىڭلاردا سىلەرگە تەلىم بەرگۈچىلەر كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئاتاڭلار پەقەت مەن بىرلا. چۈنكى، سىلەر مەن يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغاندا، مەن سىلەرنىڭ ئېتىقاد جەھەتتىكى ئاتاڭلار بولدۇم. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەرنىڭ مېنى ئۈلگە قىلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. ئېتىقاد يولىدا ئۆز ئوغلۇمدەك قەدىرلىك ۋە ئىشەنچلىك بولغان تىموتىينى مۇشۇنداق قىلىشىڭلارغا ياردەم بەرسۇن دەپ، يېنىڭلارغا ئەۋەتىمەن. ئۇ سىلەرگە مېنىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان يېڭى ھاياتىمنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىمنى ئەسلىتىدۇ. بۇ دەل مېنىڭ ھەرقايسى جايلاردىكى جامائەتچىلىككە ئۆگەتكەنلىرىم بىلەن بىردەك. ئاراڭلاردا بەزىلەر مېنى يېنىمىزغا كەلمەيدۇ دەپ ئويلاپ، تەكەببۇرلۇق قىلىۋاتىدۇ. لېكىن، خۇدا بۇيرۇسا، يېقىندا چوقۇم يېنىڭلارغا بارىمەن. ئۇ چاغدا، بۇ ھاكاۋۇرلارنىڭ نېمىنى سۆزلەيدىغانلىقىنى ئەمەس، بەلكى ئۇلاردا مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ زادى بار ياكى يوقلۇقىنى كۆرۈپ باقىمەن. چۈنكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سۆز ئارقىلىقلا ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئارقىلىق ئايان بولىدۇ. سىلەرگە تاياق ئېلىپ بارايمۇ ياكى مېھىر-مۇھەببەت ۋە مۇلايىملىقمۇ؟ قايسىسىنى خالايسىلەر؟ مەن ھەقىقەتەن ئاراڭلاردا جىنسىي ئەخلاقسىزلىقنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئاڭلىدىم. بۇ خىل ئەخلاقسىزلىق ھەتتا بۇتپەرەسلەرنىڭ ئىچىدىمۇ ئۇچرىمايدۇ. بىرى ئۆگەي ئانىسى بىلەن داۋاملىق بىر ئورۇندا يېتىپتۇ! شۇنداق تۇرۇقلۇق، سىلەر يەنە ئېتىقادىمىز كامالەتكە يەتتى، دەپ ماختىنىپ يۈرىسىلەر. سىلەر بۇ ئىشقا قاتتىق قايغۇرۇپ، بۇنداق قىلغۇچىنى ئاراڭلاردىن قوغلاپ چىقىرىشىڭلار كېرەك ئەمەسمۇ؟ مەن سىلەردىن يىراقتا بولساممۇ، قەلبىم سىلەر بىلەن بىللە. خۇددى مەن ئاراڭلاردا تۇرغاندەك، بۇ گۇناھنى سادىر قىلغۇچىنى رەببىمىز ئەيسانىڭ نامى بىلەن كۆڭلۈمدە سوراققا تارتتىم. شۇڭا، سىلەر ھەممە ئېتىقادچىلارنى چاقىرىپ، رەببىمىز ئەيسانىڭ نامى بىلەن بىر يەرگە جەم بولغاندا، مېنىمۇ سىلەر بىلەن بىللە دەپ قاراپ، رەببىمىز ئەيسانىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ئۇ ئادەمنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، شەيتاننىڭ ئىلكىگە قايتۇرۇڭلار. بۇنىڭ بىلەن، ئۇ يامان يولدىن يېنىپ، گۇناھكار تەبىئىتىنىڭ كۈچىدىن قۇتۇلۇپ، رەببىمىز ئەيسا قايتا كەلگەن كۈنى قۇتقۇزۇلسۇن. سىلەرنىڭ ماختىنىشىڭلار توغرا ئەمەس. «كىچىككىنە خېمىرتۇرۇچ پۈتۈن خېمىرنى بولدۇرالايدۇ» دېگەن سۆزنى ياخشى بىلىسىلەرغۇ؟ شۇڭا، جامائەتچىلىكنىڭ پاك بولۇشى ئۈچۈن، بۇنداق گۇناھكارنى ئاراڭلاردىن چىقىرىۋېتىڭلار. سىلەر ئاللىبۇرۇن پاكلانغانسىلەر. چۈنكى، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىق قوزىسى بولغان ئەيسا مەسىھ بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇددى يەھۇدىيلار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشتىن ئىلگىرى ئۆيلىرىنى خېمىرتۇرۇچتىن خالىي قىلغاندەك، بىزمۇ بۇرۇنقى ھاياتىمىزدىكى خېمىرتۇرۇچنى، يەنى يامانلىق ۋە ئۆچمەنلىكنى تاشلاپ، ئەيسا مەسىھكە باغلانغان يېڭى ھاياتىمىزنى سەمىمىيلىك ۋە ھەقىقەت ئىچىدە شاد-خۇراملىقتا ئۆتكۈزەيلى. ئالدىنقى خېتىمدە سىلەرگە شەھۋانىي ھەۋەسلەرگە بېرىلگەن ئەخلاقسىز ئادەملەر بىلەن ئالاقە قىلماسلىق توغرىسىدا يازغانىدىم. شۈبھىسىزكى، مەن ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمايدىغانلار ئارىسىدىكى شەھۋانىي ھەۋەسلەرگە بېرىلگەن ئەخلاقسىزلار، ئاچكۆزلۈكلەر، ئالدامچىلار ياكى بۇتپەرەسلەر بىلەن ئالاقە قىلماڭلار، دېمەكچى ئەمەسمەن. ئەگەر شۇنداق دېگەن بولسام، بۇ دۇنيادىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولاتتىڭلار. لېكىن، ھازىر مەن ئۆزىنى ئېتىقادچى دەپ ئاتىۋالغان، ئەمەلىيەتتە شەھۋانىي، ئاچكۆز، بۇتپەرەس، تۆھمەتخور، ھاراقكەش ياكى ئالدامچى كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلماسلىقىڭلارنى، ھەتتا ئۇلار بىلەن ھەمداستىخانمۇ بولماسلىقىڭلارنى يازدىم. ئاراڭلاردا بىر ئېتىقادچىنىڭ يەنە بىر ئېتىقادچى ئۈستىدىن دەۋالىرى بولسا، ئۇنى ئېتىقادچىلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرماي، خۇدانى تونۇمايدىغان سوراقچىغا ئەرز قىلىپ بارغىنى قانداق بولغىنى؟ ئەيسا مەسىھ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بۇ دۇنيانى سوراق قىلىدىغانلارنىڭ خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟ سىلەر دۇنيانى سوراق قىلىدىغانلاردىن ئىكەنسىلەر، ئۇنداقتا بۇنداق كىچىككىنە دەۋالارنى بىر تەرەپ قىلىشقا يارىمامسىلەر؟ كەلگۈسىدە پەرىشتىلەرنى سوراق قىلىدىغانلىقىڭلارنى بىلمەمسىلەر؟! شۇنداق ئىكەن، ھازىرقى تۇرمۇشۇڭلاردا ئېتىقادچىلار ئارىسىدىكى كىچىك دەۋالارنى ھەل قىلىشنى چوقۇم بىلىشىڭلار كېرەك. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئاراڭلاردا دەۋالار كۆرۈلگىنىدە، نېمىشقا ئۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەيسا مەسىھنى تونۇمايدىغان، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى بىلەن ئوخشىمايدىغان كۆزقاراشتا بولغان سوراقچىلارغا بارىسىلەر؟ بۇ نېمىدېگەن شەرمەندە ئىش-ھە! ئېتىقادچىلار ئارىسىدا بۇ دەۋالارنى ھەل قىلغۇدەك پاراسەتلىك بىرەر كىشى يوقمۇ؟ يەنە كېلىپ، سىلەر قېرىنداشلار بىر-بىرىڭلار بىلەن دەۋالىشىۋاتىسىلەر، يەنە كېلىپ ئېتىقادسىزلار ئالدىدا دەۋالىشىۋاتىسىلەر! ئەمەلىيەتتە، بىر-بىرىڭلار ئۈستىدىن دەۋالىشىش سىلەر ئۈچۈن چوڭ مەغلۇبىيەتتۇر. ئۇنداق قىلىشتىن كۆرە، ئۆزئارا بەزىبىر ناھەقلىقكە ئۇچرىساڭلار ياكى ئاز-تولا ئالدانساڭلار نېمە بوپتۇ؟ بىراق سىلەر ناھەقلىقكە ئۇچرىماي، ئەكسىچە ئۆزۈڭلار ناھەقلىق قىلىۋاتىسىلەر ۋە باشقىلارنى ئالداۋاتىسىلەر، ھەتتا قېرىنداشلىرىڭلارغىمۇ شۇنداق قىلىۋاتىسىلەر! يامانلىق قىلغۇچىلارنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرەلمەيدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ سىلەر ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالدىماڭلار! بارلىق جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلغۇچىلار، بۇتپەرەسلەر، زىناخورلار، ھەزىلەكلەر، ئەر بىلەن ئەر ياكى ئايال بىلەن ئايال ئارا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغۇچىلار، ئوغرىلار، ئاچكۆزلەر، ھاراقكەشلەر، تۆھمەتخورلار ۋە ئالدامچىلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ئۇرۇن يوق. بەزىلىرىڭلار بۇرۇن مانا شۇنداقلاردىن ئىدىڭلار. لېكىن، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە خۇدانىڭ روھى ئارقىلىق گۇناھىڭلار يۇيۇلۇپ، خۇداغا ئاتالدىڭلار ۋە خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندىڭلار. بەزىلەر: «خۇدا تەرىپىدىن مەنئى قىلىنمىغان بولسا، نېمە قىلىمەن دېسەم ئۆز ئىختىيارىم» دېيىشى مۇمكىن. لېكىن، ھەممە ئىش پايدىلىق بولۇۋەرمەيدۇ. «نېمە قىلىمەن دېسەم، ئۆز ئىختىيارىم» دېيىلسىمۇ، لېكىن ھېچ نەرسىگە قۇل بولماسلىقىمىز كېرەك. «تاماق قورساق ئۈچۈن، قورساق تاماق ئۈچۈن» دېگەنلىك توغرا. لېكىن بەزىلەر خۇددى شۇنىڭدەك، جىنسىي ئەخلاقسىزلىقمۇ تەن ئۈچۈندۇر، دەپ قارايدۇ. بۇنداق قاراش توغرا ئەمەس. قورساق ۋە تاماق پەقەت بۇ دۇنيادىلا بولۇپ، خۇدا ھەر ئىككىلىسىنى يوقىتىدۇ. تېنىمىز بولسا ئۇ دۇنيادىمۇ بولىدۇ. بىلىشىڭلار كېرەككى، تېنىمىز ئۇ جىنسىي ئەخلاقسىزلىق ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى رەببىمىز ئۈچۈندۇر. رەببىمىز بولسا تېنىمىزنىڭ ئېھتىياجىنى تەمىنلەيدۇ. خۇدا ئۆز قۇدرىتى بىلەن رەببىمىزنى تىرىلدۈرگىنىدەك، بىزنىمۇ تىرىلدۈرىدۇ. بىزنىڭ تېنىمىزنىڭ ئەيسا مەسىھنىڭ تېنىنىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟ ئۇنداقتا، ئاراڭلاردا بىرى ئەيسا مەسىھنىڭ تېنىنىڭ ئەزاسى بولغان ئۆز تېنىنى، بىر پاھىشە ئايالنىڭ تېنى بىلەن بىرلەشتۈرسە بولامدۇ؟ ھەرگىز بولمايدۇ! پاھىشە ئايال بىلەن بىرگە بولغان كىشىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىر تەن بولىدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا ئەر-ئايال توغرۇلۇق: «ئىككىسى بىر تەن بولىدۇ» دېيىلگەن. ۋەھالەنكى، رەببىمىز بىلەن بىرلەشكەن كىشى بولسا ئۇنىڭ بىلەن روھىي جەھەتتە بىر بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن يىراق بولۇڭلار. ئىنسانلار سادىر قىلغان باشقا گۇناھلارنىڭ ھەممىسى تەننىڭ سىرتىدا بولىدۇ. لېكىن، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلغۇچى ئۆز تېنىگە قارشى گۇناھ قىلغان بولىدۇ. تېنىڭلارنىڭ مۇقەددەس روھنىڭ ئىبادەتخانىسى ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟ خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھ قەلبىڭلاردا ياشايدۇ. سىلەر ئۆزۈڭلارغا ئەمەس، بەلكى خۇداغا مەنسۇپسىلەر. چۈنكى، ئۇ سىلەرنى ئەيسا مەسىھنىڭ قىممەتلىك قېنى بىلەن ئۆزىگە مەنسۇپ قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، تېنىڭلارنى خۇدانى ئۇلۇغلاشقا ئاتاڭلار. ئەمدى سىلەر خېتىڭلاردا ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرگە كېلەيلى. سىلەر «ئەرلەرنىڭ ئۆز ئاياللىرىغا يېقىنلاشماسلىقى ياخشىمۇ؟» دەپ سوراپسىلەر. مېنىڭ جاۋابىم شۇكى، ئاراڭلاردا يۈز بەرگەن جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەربىر جۈپ ئەر-ئايال ئۆز ھەمراھلىرى بىلەن بىر ئورۇندا ياتسۇن. ئەر ئايالىغا نىسبەتەن ئەرلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى، ئايالمۇ ئېرىگە نىسبەتەن ئاياللىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك. ئايالنىڭ تېنى پەقەت ئۆزىگىلا ئەمەس، ئېرىگىمۇ تەئەللۇقتۇر. شۇنىڭغا ئوخشاشلا، ئەرنىڭ تېنىمۇ ئۆزىگىلا ئەمەس، ئايالىغىمۇ تەئەللۇقتۇر. ئەر-ئايال بىر-بىرىنىڭ جىنسىي تەلىپىنى رەت قىلماسلىقى كېرەك. پەقەت پۈتۈن زېھنىڭلار بىلەن دۇئا قىلىش مەقسىتىدە ئۆز ماقۇللۇقۇڭلار بىلەن ۋاقىتلىق بىرگە ياتماسلىققا كېلىشكەندىن باشقا ۋاقىتلاردا بىر-بىرىڭلاردىن ئايرىلىپ ياتماڭلار. بولمىسا، شەيتان سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلارنى تۇتۇۋالالمىغانلىقىڭلاردىن پايدىلىنىپ، سىلەرنى زىناخورلۇق قىلىشقا ئازدۇرۇپ كېتىشى مۇمكىن. ۋاقىتلىق ئايرىلىپ تۇرۇش توغرىسىدىكى بۇ سۆزلىرىم پەقەتلا بىر تەكلىپ، بۇيرۇق ئەمەس. ئەلۋەتتە، ھەممىڭلارنىڭ ماڭا ئوخشاش توي قىلماسلىقىڭلارنى خالايتتىم. لېكىن، بۇ ئىشتا ھەممە ئادەم ئوخشاش ئەمەس. چۈنكى، خۇدا ئىلتىپات كۆرسىتىپ، بەزىلەرگە توي قىلىشنى، بەزىلەرگە بولسا توي قىلماي ئۆتۈشنى بەرگەن. ئەمدى جورىسى ئۆلۈپ كەتكەن ئەر ۋە ئاياللارغا كەلسەك، سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سىلەرنىڭ ماڭا ئوخشاش توي قىلماي ياشىغىنىڭلارنى ياخشى دەيمەن. لېكىن، ئۆزۈڭلارنى تۇتۇۋالالمىساڭلار، نىكاھلىنىڭلار. چۈنكى، شەھۋەت ئوتىدا كۆيگەندىن كۆرە، نىكاھلىق بولغان ياخشىدۇر. نىكاھلىق بولغان ئېتىقادچىلارغا كەلسەك، ئۇلارغا شۇنى بۇيرۇيمەنكى، ئايال ئېرىدىن ئاجراشمىسۇن. بۇ مېنىڭلا ئەمەس، بەلكى رەببىمىزنىڭمۇ بۇيرۇقىدۇر. ئاجراشقان بولسا، قايتا توي قىلمىسۇن ياكى ئۆز ئېرى بىلەن قايتىدىن يارىشىۋالسۇن. ئەرمۇ ئايالىنى قويۇۋەتمىسۇن. قالغانلىرىڭلارغا كەلسەم، گەرچە بۇ توغرۇلۇق رەببىمىزدىن ھېچقانداق بۇيرۇق ئالمىغان بولساممۇ، لېكىن مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، ئەگەر توي قىلغاندىن كېيىن ئەر ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىپ، ئايالى ئېتىقاد قىلمىغان بولسا بىراق داۋاملىق بىرگە ياشاشقا رازى بولسا، ئۇ چاغدا ئېرى ئۇنى قويۇۋەتمىسۇن. ئەگەر توي قىلغاندىن كېيىن ئايال ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىپ، ئېرى ئېتىقاد قىلمىغان بولسا بىراق داۋاملىق بىرگە ياشاشقا رازى بولسا، ئۇ چاغدا ئايالى ئۇنىڭدىن ئاجراشمىسۇن. چۈنكى، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغان ھەمراھى ئۇنىڭ ئېتىقادچى ئېرى ياكى ئايالى ئارقىلىق خۇدا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ نىكاھى خۇدانىڭ نەزىرىدە يەنىلا پاك بولىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ناپاك بولاتتى، ئەمەلىيەتتە پاكتۇر. بىراق، ئېتىقاد قىلمىغان تەرەپ ئايرىلىمەن دېسە، ئايرىلسۇن. ئېتىقادچى ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن، بۇنداق ئەھۋالدا ئۆز نىكاھىنى زورلاپ داۋاملاشتۇرۇشىنىڭ ھاجىتى يوق. ۋەھالەنكى، خۇدا سىلەرنى ھەمراھىڭلار بىلەن ئىناقلىقتا ياشاشقا چاقىرغان. ئەي ئېتىقادچى ئايال، بەلكىم ئېرىڭ سەن ئارقىلىق ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىپ، قۇتقۇزۇلۇشى مۇمكىن. ئەي ئېتىقادچى ئەر، بەلكىم ئايالىڭ سەن ئارقىلىق ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىپ، قۇتقۇزۇلۇشى مۇمكىن. ھەركىم خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغاندا رەببىمىز ئەيسا ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان سالاھىيەت بويىچە ياشاۋەرسۇن. بۇنى ھەممە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە بۇيرۇيمەن. مەسىلەن، بىر كىشى خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلىشتىن بۇرۇن يەھۇدىي دىنىغا كىرىش ئۈچۈن خەتنە قىلىنغان بولسا، ئۇ بۇنى يوشۇرمىسۇن. بىر كىشى خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغاندا خەتنە قىلىنمىغان بولسا، شۇنداق تۇرۇۋەرسۇن. ئېتىقاد قىلغۇچىنىڭ خەتنە قىلىنغان ياكى قىلىنمىغانلىقى مۇھىم ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشىدۇر. ھەركىم خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغاندا قانداق سالاھىيەتتە بولغان بولسا، شۇ سالاھىيەتنى ساقلىسۇن. ئەگەر سەن خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغاندا قۇل بولغان بولساڭ، ئۆزۈڭنىڭ قۇل بولغانلىقىڭدىن قايغۇرما. لېكىن، ھۆر بولالىساڭ، پۇرسەتنى قولدىن بەرمە. خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغان كىشى قۇل بولسا، ئۇ رەببىمىز ئەيساغا مەنسۇپ بولغانلىقىدىن روھىي جەھەتتە ئازاد قىلىنغان ئەركىن ئادەمگە ئايلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغان كىشى ئەركىن ئادەم بولسا، ئۇ ئەيسا مەسىھكە ئىتائەت قىلغانلىقىدىن ئۇنىڭ قۇلىغا ئايلىنىدۇ. خۇدا ئەيسا مەسىھنىڭ قىممەتلىك قېنى بىلەن سىلەرنى گۇناھنىڭ ئىلكىدىن ھۆرلۈككە چىقاردى. شۇڭا، ئەمدى سىلەر خۇداغا ئىتائەت قىلىڭلار، ئىنسانلارنىڭ ئوي-پىكىرلىرىگە قۇل بولماڭلار. قېرىنداشلار، ھەركىم خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغاندا قانداق سالاھىيەتتە بولغان بولسا، خۇداغا باغلانغان يېڭى ھاياتىدا شۇ بويىچە ياشىسۇن. خېتىڭلاردىكى بويىغا يەتكەن قىزلار مەسىلىسىگە كەلسەك، رەببىمىزدىن ئۇلار توغرىسىدا بىرەر ئەمر ئالمىدىم. شۇنداقتىمۇ، ئۆز پىكىرلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن. رەببىمىز ماڭا رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، مېنىڭ سۆزلىرىم ئىشەنچلىكتۇر. مەن شۇنداق قارايمەنكى، بۈگۈنكى قىيىنچىلىقلارغا نەزەر سالغاندا، ھەركىم ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان چاغدىكى سالاھىيىتىدە قالغىنى ياخشى. ئۆيلەنگەن بولساڭ، ئايالىڭنى قويۇۋېتىشنى ئويلىما. ئۆيلەنمىگەن بولساڭ، ئۆيلىنىمەن دېمە. لېكىن، ئۆيلەنسەڭمۇ گۇناھ قىلغان بولمايسەن. بويىغا يەتكەن قىزلارمۇ ئەرگە تەگسە، گۇناھ قىلغان بولمايدۇ. بىراق، نىكاھلىق بولغانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا خىلمۇخىل قىيىنچىلىقلىرى بولىدۇ. مەن سىلەرنىڭ بۇ قىيىنچىلىقلاردىن ساقلىنىشىڭلارنى خالايمەن. قېرىنداشلار، شۇنى دېمەكچىمەنكى، خۇداغا خىزمەت قىلىدىغان ۋاقتىمىز قىستۇر. بۇندىن كېيىن، خۇداغا خىزمەت قىلىشتا ئۆيلەنگەن ئەرلەر ئۆيلەنمىگەندەك، پۈتۈن نىيىتى بىلەن خۇداغا خىزمەت قىلسۇن. ماتەم تۇتۇش، خۇشال بولۇش ياكى باي بولۇش خۇداغا خىزمەت قىلىشتا ھەرگىز توسالغۇ بولمىسۇن. بۇ دۇنيا بايلىقلىرىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلارمۇ بايلىققا بېرىلىپ كەتمىسۇن. چۈنكى، بۇ دۇنيا ئۆتكۈنچىدۇر. غەمسىز بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۆيلەنمىگەن ئەر رەببىمىزنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن، رەببىمىزنىڭ ئىشلىرىنىڭ غېمىنى قىلىدۇ. لېكىن، ئۆيلەنگەن ئەر ئايالىنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن، بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىنىڭ غېمىنى قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ كۆڭلى ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ. ئەرسىز ئايال ياكى نىكاھلىق بولمىغان قىز بولسا جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە ئۆزىنى خۇداغا ئاتاش مەقسىتىدە رەببىمىزنىڭ ئىشلىرىنىڭ غېمىنى قىلىدۇ. لېكىن، نىكاھلانغان ئايال بولسا ئېرىنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن، بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىنىڭ غېمىنى قىلىدۇ. بۇنى سىلەرنىڭ پۇت-قولۇڭلارنى چۈشەپ قويۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سىلەرگە پايدىسى بولسۇن ۋە كۆڭلىنى ئىككىگە بۆلمەي، ئۆزلىرىنى رەببىمىزگە ئاتاپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ياشىسۇن، دەپ ئېيتىۋاتىمەن. ئەگەر بىر كىشى ۋەدىلەشكەن قىزىنى ئارتۇقچە ساقلىتىپ قويۇپ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلمىغان بولسا ۋە شۇ سەۋەبتىن بۇ قىزغا يۈز كېلەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلسا، ئۇنداقتا تېگىشلىك دەپ قارىغان ئىشنى قىلسۇن، يەنى ئۇنى ئەمرىگە ئالسۇن. بۇنداق قىلىش گۇناھ قىلغانلىق بولمايدۇ. بىراق، بىر كىشى بېسىم ئاستىدا ئەمەس، ئۆز ئىرادىسى بىلەن ۋەدىلەشكەن قىزىنى ئەمرىگە ئالماسلىققا قارار قىلغان بولسا ھەمدە شەھۋىتىنى بېسىۋالالايدىغان بولسا، ياخشى قىلغان بولىدۇ. قىسقىسى، توي قىلىش ياخشى، توي قىلماسلىق تېخىمۇ ياخشى. ئېرى ھايات چاغدا ئايالى ئېرىگە نىكاھتا باغلانغان بولىدۇ. لېكىن ئېرى ئۆلۈپ كەتسە، خالىغان كىشى بىلەن نىكاھلىنىشقا ئەركىندۇر. لېكىن، ئۇ كىشى ئېتىقادچى بولۇشى كېرەك. بىراق، تۇل ئايال تۇل پېتى تۇرسا، تېخىمۇ بەختلىك بولىدۇ. بۇ مېنىڭ كۆزقارىشىم. لېكىن مەن ئويلايمەنكى، بۇ كۆزقارىشىمغا خۇدانىڭ روھى يېتەكچىلىك قىلدى. ئەمدى خېتىڭلاردىكى بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى يېيىش ياكى يېمەسلىك مەسىلىسىگە كېلەيلى. سىلەر ھەممىمىزنىڭ بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن بىلىمىمىز بار، دەپ قارايسىلەر. بىراق، بىلىمى كۆپ بولغان ئادەم تەكەببۇرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. لېكىن، مېھىر-مۇھەببىتى كۆپ بولغان ئادەم بولسا قېرىندىشىنىڭ ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەشكە پۇرسەت ئىزدەيدۇ. ئۆزىنى بىلەرمەن چاغلايدىغان كىشى ئەمەلىيەتتە بىلىشكە تېگىشلىك نەرسىلەرنى بىلمەيدۇ. لېكىن، خۇدانى سۆيگەن كىشى خۇدانىڭ نەزىرىدە ھەقىقەتەن بىلىمگە ئىگە ئادەم بولىدۇ. خوش، ئەمدى بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆش مەسىلىسىگە كېلەيلى. بىزگە مەلۇمكى، كۆپ ئادەملەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلار خۇدا ئەمەستۇر. يېگانە خۇدادىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر. گەرچە بەزىلەر دۇنيادا نۇرغۇن ئىلاھلار بار، ئۇلار زېمىن ۋە ئاسماندا ياشايدۇ دەپ قارىغان ھەمدە ئۇلارنى ئۆزىنىڭ خۇداسى ۋە رەببى دەپ ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق بىز ئۈچۈن پەقەتلا يېگانە خۇدا، يەنى ئەرشتىكى خۇدائاتىمىزلا باردۇر. ئۇ پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر، بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن ياشايمىز. شۇنىڭغا ئوخشاش، بىز ئۈچۈن يېگانە بىر رەب، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ باردۇر. پۈتكۈل مەۋجۇدات ئۇ ئارقىلىق مەۋجۇتتۇر. بىزمۇ ئۇ ئارقىلىق يېڭى ھاياتقا ئىگە بولدۇق. لېكىن، ھەممە ئېتىقادچىلار بۇنداق بىلىمنى تونۇپ يەتمىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئېتىقادچى بولۇشتىن بۇرۇن بۇتپەرەسلىك ئادەتلىرىگە كۆنۈپ قالغاچقا، ھازىرمۇ بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى يېيىشنى بۇتقا چوقۇنۇش بىلەن باراۋەر دەپ قارايدۇ. شۇڭا، ئۇلار بۇ گۆشنى يېيىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئەگەر ئۇلار بۇ گۆشنى يەپ قالغان بولسا، ئۆزلىرىنى بۇلغاندۇق دەپ ھېس قىلىپ، ۋىجدانى ئازابلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېيىش-يېمەسلىك بىلەن ئۆزىمىزنى خۇداغا يېقىنلاشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئۇنى يېسەك، خۇداغا يېقىنلىشىپ قالمايمىز، يېمىسەكمۇ خۇدادىن يىراقلىشىپ كەتمەيمىز. لېكىن ئېھتىيات قىلىڭلاركى، سىلەرنىڭ مەلۇم يېمەكلىكنى يېيىش-يېمەسلىك ئەركىنلىكىڭلار بۇنداق بىلىمنى تونۇپ يەتمىگەن ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ گۇناھ قىلىشىغا سەۋەب بولۇپ قالمىسۇن. چۈنكى، بۇنداق بىلىمنى تونۇپ يەتمىگەن بىر ئېتىقادچى بۇتنىڭ خۇدا ئەمەسلىكىنى بىلىدىغان سىلەرنىڭ بۇتخانىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان زىياپەتتە بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى يەۋاتقانلىقىڭلارنى كۆرسە، سىلەرگە ئەگىشىپ، ئۆز ۋىجدانىغا قارشى ھالدا ئۇ گۆشنى يېيىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا، سىلەر ئۇنىڭ ئۆز ۋىجدانىغا قارشى ھالدا گۇناھ قىلىشىغا دەۋەت قىلغان بولۇپ قالمامسىلەر؟ ئاقىۋەتتە، بۇنداق بىلىمنى تونۇپ يەتمىگەن بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ ئېتىقادى سىلەرنىڭ بىلىمىڭلار تۈپەيلىدىن ۋەيران بولۇشى مۇمكىن. ھالبۇكى، ئەيسا مەسىھ ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ قۇربان بولغان. سىلەر قېرىنداشلارنى ئۆزلىرى خاتا، دەپ قارىغان ئىشلارنى قىلىشقا دەۋەت قىلساڭلار، قېرىنداشلار ئالدىدا گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ۋىجدانىنى جاراھەتلەپلا قالماستىن، ئەيسا مەسىھ ئالدىدىمۇ گۇناھ قىلغان بولىسىلەر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر يېگەن گۆشىمىز تۈپەيلىدىن بۇنداق بىلىمنى تونۇپ يەتمىگەن قېرىندىشىمىزنىڭ ئېتىقادى بۇزۇلغۇدەك بولسا، بىز بۇ گۆشنى قەتئىي يېمەيلا قويايلى. مەن باشقىلارنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدىن ئۇنى قىل، بۇنى قىل دېيىشىدىن ئەركىن ئەمەسمۇ؟ مەن خۇدانىڭ ئەلچىسى ئەمەسمۇ؟ مەن رەببىمىز ئەيسانى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئەمەسمۇ؟ سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار مېنىڭ رەببىمىز ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىمنىڭ نەتىجىسى ئەمەسمۇ؟ گەرچە باشقىلار مېنى ئەلچى دەپ ھېسابلىمىسىمۇ، لېكىن مەن سىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىسى. چۈنكى، سىلەرنىڭ مەندىن خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ، رەببىمىزگە ئېتىقاد قىلغىنىڭلار مېنىڭ ئەلچى ئىكەنلىكىمنىڭ ئىسپاتى. مېنىڭ ئەلچى ئىكەنلىكىمدىن گۇمانلىنىدىغانلارغا بېرىدىغان جاۋابىم مۇنداق: بىز ئەلچى بولغانىكەنمىز، ئېتىقادچىلار تەرىپىدىن يېمەك-ئىچمەك بىلەن تەمىنلىنىش ھوقۇقىمىز يوقمۇ؟ رەببىمىز ئەيسانىڭ ئۆز ئىنىلىرى ھەمدە پېترۇس ۋە باشقا ئەلچىلەردەك بىزنىڭمۇ سەپەردە بىز بىلەن ئوخشاش ئېتىقادى بار ئاياللىرىمىزنى ھەمراھ قىلىپ يۈرۈش ھەققىمىز يوقمۇ؟ ئەجەبا، پەقەت بارنابا بىلەن مەنلا ئېتىقادچىلار تەرىپىدىن تەمىنلەنمەي، ئۆز ئەمگىكىمىز بىلەن كۈن كەچۈرۈشىمىز كېرەكمۇ؟ كىم ئۆز پۇلى بىلەن لەشكەرلىك قىلىدۇ؟ كىم كۆچەت تىكىپ، ئۇنىڭ مېۋىسىنى يېمەيدۇ؟ كىم مال بېقىپ، ئۇنىڭ سۈتىنى ئىچمەيدۇ؟ مەن بۇلارنى پەقەت ئىنساننىڭ كۆزقارىشى بويىچە دېدىممۇ؟ ياق، بۇ ھەقتە تەۋرات قانۇنىدىمۇ ئوخشاش دېيىلگەنغۇ! شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاراڭلاردا خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش ئارقىلىق روھىي ئۇرۇق چېچىپ، سىلەردىن ماددىي جەھەتتە ھوسۇل ئېلىش ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىك بولامدۇ؟ باشقا تەلىم بەرگۈچىلەرنىڭ سىلەردىن تەمىنلىنىش ھوقۇقى بولغان يەردە، بىزنىڭ تەمىنلىنىش ھوقۇقىمىز تېخىمۇ بولمامدۇ؟ لېكىن، بىز بۇ ھوقۇقىمىزدىن پايدىلانمىدۇق. ئەكسىچە، ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ تارقىلىشىغا توسالغۇ بولۇپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن، ھەرقانداق ئىشقا بەرداشلىق بېرىۋاتىمىز. يېرۇسالېمدىكى چوڭ ئىبادەتخانىدا ئىشلەيدىغانلارنىڭ كىشىلەرنىڭ ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كەلگەنلىرى بىلەن تەمىنلىنىدىغانلىقىنى ۋە قۇربانلىق سۇپىسىدا ۋەزىپىدە بولغانلارنىڭمۇ قىلىنغان قۇربانلىقلاردىن ئۈلۈشى بارلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ شۇنىڭغا ئوخشاش، رەببىمىز خۇش خەۋەرنى تارقىتىدىغانلارنىڭ تۇرمۇشى خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغانلار تەرىپىدىن قامدالسۇن، دەپ بۇيرۇغانىدى. لېكىن، مەن بۇ ھوقۇقنىڭ ھېچقايسىسىدىن پايدىلانمىدىم. ھازىرمۇ مەن بۇ خەتنى بۇ ھوقۇقۇمدىن پايدىلىناي، دەپ يېزىۋاتقىنىم يوق. مەن ئۆلۈشكە رازىمەنكى، بىراق بۇ ئىش ئۈچۈن ماختىنىشىمنىڭ قۇرۇق سۆز بولۇپ قېلىشىغا يول قويمايمەن. خۇش خەۋەرنى تارقاتقانلىقىمغا كەلسەك، ئۇنىڭ بىلەن ماختىنالمايمەن، ئەلۋەتتە. چۈنكى، خۇش خەۋەرنى تارقىتىش مېنىڭ بۇرچۇم. ئۇنى تارقاتمىسام بولمايدۇ! ئەگەر خۇش خەۋەرنى ئۆز ئىختىيارىم بىلەن تارقاتقان بولسام، خۇدادىن ھەق ئېلىشىم كېرەك ئىدى. لېكىن، خۇدا بۇ ۋەزىپىنى ماڭا تاپشۇرغانىكەن، مەن بۇنى بىر مەسئۇلىيەت، دەپ ئورۇندايمەن. ئۇنداقتا، ئالىدىغان ھەققىم نېمە؟ ئۇ بولسىمۇ خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشتە ئېلىشقا تېگىشلىك ھەقنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقۇمدىن پايدىلانماي، كىشىلەرنى خۇش خەۋەرگە ھەقسىز ئىگە قىلىشتۇر. مەن ھېچكىمدىن ھەق ئالمىغانلىقىم ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىدىن ئەركىن. لېكىن، تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشى ئۈچۈن، كۆپچىلىكنىڭ قۇلىدەك ياشاپ كەلدىم. يەھۇدىيلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشى ئۈچۈن، يەھۇدىيلار ئارىسىدا بولغىنىمدا يەھۇدىيلاردەك ياشاۋاتىمەن. تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدىن ئازاد قىلىنغان بولساممۇ، تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە ياشايدىغانلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشى ئۈچۈن، شۇ كىشىلەردەك ياشاۋاتىمەن. شۇنىڭغا ئوخشاش، تەۋرات قانۇنى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق يەھۇدىي ئەمەسلەر ئارىسىدا بولغىنىمدا، شۇ كىشىلەرگە ئوخشاش ياشاۋاتىمەن. بۇ، خۇدانىڭ قانۇنىدىن چەتنەپ كەتتىم دېگەنلىك ئەمەس، چۈنكى مەن ئەيسا مەسىھنىڭ قانۇنىغا ئىتائەت قىلىپ ياشاۋاتىمەن. خۇدا توغرىسىدىكى بىلىمنى تونۇپ يەتمىگەنلىكتىن ۋىجدانى ئاسانلا ئازابلىنىدىغان ئېتىقادچىلارنىڭ ئارىسىدا ئۇلارغا ئوخشاش ياشاۋاتىمەن. بۇنداق قىلىشىمدىكى مەقسەت، ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەشتۇر. بارلىق چارىلەرنى ئىشلىتىپ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن، مەيلى مەن قانداقلا كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا بولاي، خۇدا مەنئى قىلمىغانلا بولسا، شۇ كىشىلەرنىڭ ئادەتلىرى بويىچە ياشايمەن. مەن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بۇ خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭدىن كېلىدىغان بەختتىن مەن بىلەن بىللە تەڭ بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ ئىشلارنى قىلىۋاتىمەن. يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە چۈشكەنلەرنىڭ ھەممىسى يۈگۈرگەن بولسىمۇ، مۇكاپاتنى يالغۇز بىرلا كىشىنىڭ ئالىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر. سىلەرمۇ خۇدانىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئۈچۈن يېڭىپ چىققان تەنھەرىكەتچىدەك يۈگۈرۈشۈڭلار كېرەك. مۇسابىقىگە چۈشكەن ھەربىر تەنھەرىكەتچى ۋاقىتلىق مۇكاپاتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن قاتتىق مەشىق قىلىدۇ. بىز بولساق مەڭگۈ چىرىمەيدىغان مۇكاپاتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن مەشىق قىلىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن نىشانسىز يۈگۈرۈۋاتقان كىشىدەك يۈگۈرۈۋاتقىنىم يوق. شۇنداقلا، خۇددى بوكسچىغا ئوخشاش ئاتقان مۇشتۇمنى بوش كەتكۈزۈۋاتقىنىم يوق. خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، خۇدانىڭ ئالدىدا مۇكاپاتقا ئېرىشىشكە لاياقەتسىز بولۇپ قالماسلىقىم ئۈچۈن، تېنىمنى ئېتىقاد يولىدا ياشاشقا قاتتىق كۆندۈرۈپ، ئۆزۈمنى تىزگىنلەۋاتىمەن. شۇنداقتىمۇ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى خۇدانى خۇرسەن قىلمىدى. شۇڭا، ئۇلار ئۆلۈپ، جەسەتلىرى چۆل-باياۋاندا قالدى. ئۇلاردەك يامان ئىشلارغا بېرىلمەسلىكىمىز ئۈچۈن، بۇ ۋەقەلەردىن ئىبرەت ئېلىشىمىز كېرەك. سىلەر ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدەك بۇتقا چوقۇنىدىغانلاردىن بولماڭلار. خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغاندەك، ئۆزلىرى چوقۇنىدىغان بۇتلارنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن، «ئۇلار كېيىن ئولتۇرۇپ خالىغانچە يەپ-ئىچىشىپ، كەيپ-ساپا قىلىشتى.» بىز ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدەك جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلمايلى. ئۇلار مانا شۇنداق قىلىپ، يىگىرمە ئۈچ مىڭى بىر كۈندىلا ھالاك بولدى. بىز ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدەك مەقسەتلىك ھالدا گۇناھ قىلىپ، رەببىمىز بىزنى جازالامدۇ-جازالىمامدۇ، دەپ ئۇنى سىنىمايلى. شۇ چاغدا، ئۇنداق قىلغانلارنى زەھەرلىك يىلانلار چېقىپ ئۆلتۈرگەنىدى. بىز ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدەك خۇدادىن نارازى بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئاغرىنمايلى. شۇ چاغدا، بۇنداق قىلغانلار خۇدا ئەۋەتكەن جان ئالغۇچى پەرىشتە تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنىدى. بۇ ۋەقەلەر بىزلەرگە ساۋاق بولۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەنىدى. شۇنداقلا، بۇ ۋەقەلەر ئاخىر زاماندا ياشاۋاتقان بىزلەرنىڭ ئۇلاردەك بولۇپ قالماسلىقىمىز ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن خاتىرىلەنگەنىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزىنى ئېتىقادتا پۇت تىرەپ تۇرۇۋاتىمەن، دەپ ھېسابلايدىغانلار يىقىلىپ چۈشۈشتىن پەخەس بولسۇن. سىلەر دۇچ كەلگەن سىناقلارغا باشقا ئادەملەرمۇ ئوخشاش دۇچ كەلگەن. خۇدا ئىشەنچلىكتۇر! ئۇ سىلەرنى بەرداشلىق بېرىش چېكىڭلاردىن ھالقىغان سىناقلارغا ئۇچراتمايدۇ. خۇدا سىلەرنىڭ سىناققا دۇچ كەلگەندە پۇت تىرەپ تۇرالىشىڭلار ئۈچۈن، ئازدۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش يولىنى ئېچىپ بېرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، بۇتپەرەسلىكتىن ساقلىنىڭلار. سىلەرنى ئەقىل-ھوشى جايىدا كىشىلەر دەپ قاراپ، بۇنى ئېيتىۋاتىمەن. ئېيتقانلىرىمغا ئۆزۈڭلار باھا بېرىڭلار. بىز رەببىمىزنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان داستىخاندا جەم بولۇپ، خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ جامدىكى شارابنى ئىچكەندە ۋە بىر ناننى بۆلۈشۈپ يېگەندە، ئەيسا مەسىھنىڭ بىز ئۈچۈن قۇربان بولغان تېنى ۋە قېنىنىڭ ھېسابىغا كەلگەن ئىلتىپاتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىمىز. بىز ئېتىقادچىلار كۆپ بولساقمۇ، ھەممىمىز بىرلا ناننى بۆلۈشۈپ يېگەنلىكىمىز ئۈچۈن، روھىي جەھەتتە بىر تەن بولىمىز. ئىسرائىللارغا قاراڭلار، ئۇلار يېرۇسالېمدىكى چوڭ ئىبادەتخانىدا خۇداغا قۇربانلىق قىلىنغان گۆشنى يېيىش بىلەن ئىبادىتىنى ئىپادىلەيدۇ. مەن بۇنداق دېيىش ئارقىلىق «بۇتقا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىنغان نەرسىنىڭ بىرەر ئەھمىيىتى بار» ياكى «بۇت ھەقىقىي خۇدا» دېمەكچىمەنمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! دېمەكچى بولغىنىم شۇكى، بۇتپەرەسلەر قۇربانلىقلىرىنى خۇداغا ئەمەس، جىنلارغا ئاتايدۇ. سىلەرنىڭ جىنلار بىلەن شېرىك بولۇشۇڭلارنى خالىمايمەن. سىلەر ھەم رەببىمىزنىڭ جامىدىكىدىن، ھەم جىنلارنىڭ جامىدىكىدىن ئىچسەڭلار بولمايدۇ. ھەم رەببىمىزنىڭ داستىخىنىغا، ھەم جىنلارنىڭ داستىخىنىغا داخىل بولساڭلار بولمايدۇ. بۇنداق قىلساق، رەببىمىزنىڭ غەزىپىنى قوزغايمىز. ئۇنىڭ جازالىشىدىن قېچىپ قۇتۇلۇشقا كۈچىمىز يېتەمدۇ؟! بەزىلەر: «خۇدا تەرىپىدىن مەنئى قىلىنمىغان بولسا، نېمە قىلىمەن دېسەم ئۆز ئىختىيارىم» دېيىشى مۇمكىن. لېكىن، ھەممە ئىش پايدىلىق بولۇۋەرمەيدۇ. «نېمە قىلىمەن دېسەم، ئۆز ئىختىيارىم» دېگەن بۇ سۆز توغرا بولسىمۇ، لېكىن ھەممە ئىش قېرىنداشلىرىنىڭ ئېتىقاد جەھەتتە كۈچلۈك بولۇپ يېتىلىشىگە ياردەم بېرەلمەيدۇ. ھەركىم پەقەت ئۆز مەنپەئىتىنىلا ئەمەس، باشقىلارنىڭمۇ مەنپەئىتىنى كۆزلىسۇن. گۆش دۇكىنىدا سېتىلغان گۆشلەرنى بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغانمۇ-قىلىنمىغانمۇ، دەپ سۈرۈشتۈرۈپ يۈرمەي، پاك ۋىجدان بىلەن يەۋېرىڭلار. چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «يەر يۈزى ۋە ئۇنىڭدىكى ھەممە نەرسە رەببىمىزگە تەئەللۇقتۇر.» ئەگەر ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغان بىر كىشى سىلەرنى زىياپەتكە چاقىرسا ۋە سىلەرمۇ بارماقچى بولساڭلار، ئالدىڭلارغا قويۇلغان ھەممە نەرسىنى بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغانمۇ-قىلىنمىغانمۇ، دەپ سۈرۈشتۈرمەي، پاك ۋىجدان بىلەن يەۋېرىڭلار. لېكىن، باشقا بىرى سىلەرگە: «بۇ نەزىر قىلىنغان گۆش» دېسە، ئۇ كىشىنىڭ ئېتىقادىنى ئويلاپ ئۇ گۆشنى يېمەڭلار. چۈنكى، بۇ گۆشنى يېيىش ئۇنىڭ نەزىرىدە گۇناھ بولىدۇ. بۇ يەردە سىلەرنىڭ ۋىجدانىڭلارنى ئەمەس، بەلكى ئۇ كىشىنىڭ ۋىجدانىنى دېمەكچىمەن. ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ۋىجدانى مېنىڭ ئەركىنلىكىمنى چەكلىسۇن؟ ئەگەر مەن خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ بۇنداق زىياپەتكە قاتناشسام، يەنە نېمە ئۈچۈن شۈكۈر ئېيتىپ يېگەن بۇ يېمەكلىكىم سەۋەبىدىن ئەيىبلىنىشكە ئۇچرىشىم كېرەك؟ مۇھىمى، نېمە يەپ، نېمە ئىچىشىڭلار، قانداقلا ئىش قىلىشىڭلاردىن قەتئىينەزەر، ئۇنى پەقەت خۇدانىڭ ئۇلۇغلىنىشى ئۈچۈن قىلىڭلار. باشقىلارنى، مەيلى ئۇلار يەھۇدىيلار، يەھۇدىي ئەمەسلەر ياكى خۇداغا مەنسۇپ جامائەتچىلىكتىكى ئېتىقادچىلار بولسۇن، گۇناھقا باشلايدىغان ئىشنى قىلماڭلار. ئۆزۈممۇ سىلەرگە دېگەنلىرىم بويىچە ئىش قىلىمەن. مەن ھەرقايسى جەھەتتىن ھەممە ئادەمنى خۇرسەن قىلىشقا تىرىشىمەن. چۈنكى، مەن ئۆز مەنپەئىتىم ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كۆپچىلىكنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەيمەن. مەن ئەيسا مەسىھنى ئۆزۈمگە ئۈلگە قىلغىنىمدەك، سىلەرمۇ مېنى ئۆزۈڭلارغا ئۈلگە قىلىڭلار. دائىم مېنى ئەسلەپ تۇرغانلىقىڭلار ۋە مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن تەلىملەرگە ئەمەل قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى ماختايمەن. لېكىن، شۇنىمۇ بىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەنكى، ھەممە ئەرنىڭ بېشى ئەيسا مەسىھتۇر. ئايالنىڭ بېشى ئەر، ئەيسا مەسىھنىڭ بېشى بولسا خۇدادۇر. شۇڭا، ئىبادەتكە قاتناشقاندا بىر ئەر بېشىغا بىرنېمە ئارتىپ دۇئا قىلسا ياكى خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزسە، ئۇ ئۆز بېشى بولغان ئەيسا مەسىھكە ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بولىدۇ. بىر ئايال بېشىغا بىرنەرسە ئارتماي دۇئا قىلسا ياكى خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزسە، ئۇمۇ ئۆز بېشى، يەنى ئۆز ئېرىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بولىدۇ. بۇنداق ئايالنىڭ چېچى چۈشۈرۈۋېتىلگەن ئايالدىن پەرقى يوقتۇر. ئەگەر ئايال بېشىغا بىرنەرسە ئارتىشنى خالىمىسا، ئۇنداقتا ئۇ چېچىنى كەسكۈزۈۋەتسۇن. ۋەھالەنكى، بىر ئايالنىڭ چېچىنىڭ كېسىلىشى ياكى چۈشۈرۈلۈشى نومۇس ئىش بولغانىكەن، ئۇنداقتا ئۇ ئايال ئىبادەتكە قاتناشقاندا بېشىغا بىرنېمە ئارتسۇن. ئەرلەر بولسا ئىبادەتكە قاتناشقاندا، بېشىغا بىرنەرسە ئارتماسلىقى كېرەك. چۈنكى، ئەر خۇدانىڭ ئوبرازىدا يارىتىلغان بولۇپ، خۇدانىڭ شان-شەرىپىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئايال بولسا ئەرنىڭ شان-شەرىپىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. چۈنكى، ئىنسان يارىتىلغان چاغدا، ئەر ئايالدىن ئەمەس، ئايال ئەردىن يارىتىلغان. شۇنداقلا، ئەر ئايال ئۈچۈن ئەمەس، ئايال ئەر ئۈچۈن يارىتىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاياللارنىڭ بېشىغا بىرنەرسە ئارتىش ياكى ئارتماسلىق ھوقۇقى بار بولسىمۇ، بۇنى مۇۋاپىق ئىشلەتسۇن. بۇ ھەم پەرىشتىلەر ئۈچۈندۇر. ھالبۇكى، رەببىمىزگە باغلانغان يېڭى ھاياتىمىزدا ئاياللار ئەرلەردىن مۇستەسنا ئەمەس، ئەرلەرمۇ ئاياللاردىن مۇستەسنا ئەمەس. چۈنكى، ئايال ئەردىن يارىتىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئەرمۇ ئايالدىن تۇغۇلىدۇ. ھەر ئىككىلىسى پۈتكۈل مەۋجۇداتنى ياراتقان خۇدا تەرىپىدىن يارىتىلغان. سىلەر ئۆزۈڭلار ئېيتىڭلارچۇ، ئاياللارنىڭ بېشىغا بىرنەرسە ئارتماي تۇرۇپ، خۇداغا دۇئا قىلىشى توغرىمۇ؟ سىلەر ئەرلەرنىڭ ئۇزۇن چاچ قويۇشىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن نومۇس ئىكەنلىكىنى تەبىئىي ھالدا بىلىسىلەرغۇ؟ لېكىن، ئاياللارنىڭ ئۇزۇن چېچى خۇدانىڭ ئۇلارغا ياپقۇچ قىلىپ بەرگەن گۈزەللىكىدۇر. ئەگەر كىمدەكىم بۇ سۆزلەرگە قارشى چىقسا، مەن شۇنداق دېيەلەيمەنكى، بۇ بىز ئەزەلدىن ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان قائىدە. خۇداغا مەنسۇپ بولغان ھەرقايسى جامائەتچىلىكمۇ بۇنى توغرا، دەپ قارايدۇ. تۆۋەندىكى ئىشلارغا كەلسەك، مەن بۇ توغرىسىدا سىلەرنى ماختىيالمايمەن. چۈنكى، سىلەرنىڭ جەم بولۇشۇڭلارنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ بولۇۋاتىدۇ. بىرىنچىدىن، سىلەر ئىبادەتكە جەم بولغىنىڭلاردا، ئاراڭلاردا گۇرۇھلارغا بۆلۈنۈشلەر بولغانلىقىنى ئاڭلىدىم. بۇ گەپكە قىسمەن ئىشەندىم. ئاراڭلاردا بۆلۈنۈشلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. لېكىن مۇشۇنداق بولغاندا، زادى كىمنىڭ خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. سىلەر رەببىمىزنى خاتىرىلەش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان داستىخانغا جەم بولىمىز، دەيسىلەر. ئەمەلىيەتتە، بۇنىڭ ئۈچۈن جەم بولمايدىكەنسىلەر. چۈنكى، سىلەر بىر-بىرىڭلارنى ساقلىماي، ئۆزۈڭلار ئېلىپ كەلگەن تاماقنى ئۆزۈڭلار يەۋېرىدىكەنسىلەر-دە، بەزىلەر قانغۇچە يەپ-ئىچىدىكەن، يەنە بەزىلەر ئاچ قالىدىكەن. يەپ-ئىچىشكە ئۆز ئۆيلىرىڭلار بار ئەمەسمۇ؟ ياكى بۇ يەرگە خۇداغا مەنسۇپ بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى كۆزگە ئىلماي، يەيدىغان نەرسىسى يوقلارنى خىجىل قىلىشقا جەم بولدۇڭلارمۇ؟ سىلەرگە نېمە دېسەم بولار؟ سىلەرنى ماختايمۇ؟ ياق، بۇ ئىشتا سىلەرنى ھەرگىز ماختىيالمايمەن! رەببىمىزنىڭ داستىخىنى توغرۇلۇق مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن تەلىملەرنى رەببىمىزدىن ئالغانمەن. رەببىمىز ئەيسا ساتقۇن تەرىپىدىن تۇتۇپ بېرىلگەن كېچە، قولىغا بىر نان ئېلىپ، خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ، ناننى ئوشتۇپ تۇرۇپ: «بۇ مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن پىدا بولىدىغان تېنىمدۇر. مېنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن بۇنىڭدىن يەڭلار» دېدى. خۇددى شۇنىڭدەك، تاماقتىن كېيىن ئۇ يەنە جامنى قولىغا ئېلىپ: «بۇ جامدىكى شاراب مېنىڭ قېنىم بىلەن تۈزۈلىدىغان خۇدانىڭ يېڭى ئەھدىسىنىڭ بەلگىسىدۇر. ھەر قېتىم بۇنداق شارابتىن ئىچكىنىڭلاردا مېنى ئەسلەپ تۇرۇڭلار» دېدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، تاكى رەببىمىز قايتىپ كەلگۈچە، ھەر قېتىم بۇ ناندىن يېگىنىڭلاردا ۋە ھەر قېتىم بۇ جامدىكىدىن ئىچكىنىڭلاردا، رەببىمىزنىڭ قۇربان بولغانلىقىنى جاكارلىغان بولىسىلەر. شۇنىڭ ئۈچۈن، رەببىمىزنىڭ داستىخىنىغا داخىل بولغان ھەربىر كىشى نامۇۋاپىق ھالدا ناندىن يەپ، جامدىكىدىن ئىچسە، ئۇ رەببىمىزنىڭ بىز ئۈچۈن قۇربان قىلغان تېنى ۋە ئاققۇزغان قېنىغا يۈز كېلەلمەيدىغان گۇناھ قىلغان بولىدۇ. شۇڭا، ھەركىم ئاۋۋال بۇ ئىشلار ئۈستىدە ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈپ كۆرسۇن. ئاندىن، ناندىن يەپ، جامدىكىدىن ئىچسۇن. چۈنكى، ئېتىقادچىلار رەببىمىزنىڭ داستىخىنىغا داخىل بولۇش بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئەيسا مەسىھنىڭ تېنى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنى پەرقلەندۈرمەي تۇرۇپ، ناندىن يېگەن ۋە جامدىكىدىن ئىچكەن كىشى ئۆزىنى خۇدانىڭ جازاسىغا مەھكۇم قىلىدۇ. مانا شۇ سەۋەبتىن، بىرمۇنچىڭلار جىسمانىي جەھەتتىن ھالسىز ۋە ئاغرىق بولۇپ قالدىڭلار، ھەتتا بەزىلەر ئۆلۈپ كەتتى. ئەگەر ئۆز-ئۆزىمىزنى تەكشۈرگەن بولساقىدۇق، بۇنداق جازالارغا ئۇچرىمىغان بولاتتۇق. لېكىن، گۇناھقا تولغان بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى بىلەن بىرلىكتە جازالانماسلىقىمىز ئۈچۈن، رەببىمىز بىزنى مۇشۇنداق جازالاپ تەربىيىلەۋاتىدۇ. شۇڭا، قېرىنداشلار، رەببىمىزنى خاتىرىلەش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان داستىخانغا داخىل بولۇش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولغىنىڭلاردا، ھەممەيلەن تولۇق كەلگۈچە بىر-بىرىڭلارنى ساقلاڭلار. بۇنداق يىغىلىش سىلەرنىڭ جازاغا ئۇچرىشىڭلارغا سەۋەب بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، قورسىقى ئاچلار قورسىقىنى ئۆيىدە تويدۇرۇپ كەلسۇن. باشقا مەسىلىلەرگە كەلسەك، يېنىڭلارغا بارغىنىمدا سۆزلىشىمىز. قېرىنداشلار، مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان ھەدىيىلەرگە كەلسەك، بۇلارنى تولۇق چۈشىنىشىڭلارنى خالايمەن. سىلەرگە مەلۇمكى، سىلەر ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشتىن ئىلگىرى ئازدۇرۇلۇپ، جانسىز بۇتلارغا چوقۇندۇڭلار. شۇڭا، يەنە ئازدۇرۇلۇپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈن شۇنى بىلىشىڭلارنى خالايمەنكى، خۇدانىڭ روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە سۆزلىگەن ھەرقانداق كىشى: «ئەيساغا لەنەت!» دېمەيدۇ. مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىسىزمۇ ھېچكىم: «ئەيسا مەسىھ مېنىڭ رەببىمدۇر» دېيەلمەيدۇ. مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان ھەدىيىلەر خىلمۇخىلدۇر، لېكىن بۇ ھەدىيىلەرنى ئاتا قىلغۇچى مۇقەددەس روھ بىردۇر. رەببىمىز ئۈچۈن قىلىنىدىغان خىزمەتلەر خىلمۇخىلدۇر، لېكىن بىز خىزمەت قىلىدىغان رەببىمىز بىردۇر. خۇدانىڭ بىزنىڭ ھاياتىمىزدا قىلىۋاتقان ئىشلىرى خىلمۇخىلدۇر، لېكىن بىز ئارقىلىق ئۇلارنى قىلىۋاتقان خۇدا بىردۇر. پۈتۈن جامائەتچىلىكنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن مۇقەددەس روھ ھەربىرىمىزگە ئالاھىدە قابىلىيەت ئاتا قىلىدۇ. مۇقەددەس روھ بىر كىشىگە ئاقىلانە سۆز قىلىش قابىلىيىتىنى بېرىدۇ. يەنە بىر كىشىگە بولسا بىرەر ئىش توغرۇلۇق خۇدادىن كەلگەن ئالاھىدە بىلىم بېرىدۇ. ئوخشاشلا، شۇ مۇقەددەس روھ بىرىگە خۇداغا بولغان ئالاھىدە ئىشەنچ، يەنە بىرىگە كېسەللەرنى ساقايتىش قۇدرىتىنى بېرىدۇ. يەنە شۇ روھ بىرىگە مۆجىزىلەر يارىتىش قابىلىيىتىنى بەرسە، يەنە بىرىگە خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش قابىلىيىتىنى بېرىدۇ. بىرىگە بىرسىنىڭ يەتكۈزگەن سۆزلىرىنىڭ مۇقەددەس روھتىن كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش، بىرىگە ئۆزىگە نامەلۇم بولغان تىللاردا سۆزلەش، يەنە بىرىگە بولسا بۇ تىللارنى چۈشەندۈرۈش قابىلىيىتىنى بېرىدۇ. بۇ قابىلىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى يۈرۈشتۈرگەن بىردىنبىر مۇقەددەس روھتۇر. مۇقەددەس روھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە بۇ قابىلىيەتلەرنى ھەربىر كىشىگە ئايرىم-ئايرىم تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ. گەرچە بىزنىڭ تېنىمىزدىكى ئەزالار كۆپ بولسىمۇ، ئۇلار ئۆزئارا قوشۇلۇپ بىرلا تەننى تەشكىل قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، ئەيسا مەسىھنىڭ تېنى، يەنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى نۇرغۇن ئېتىقادچىلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئۇلارمۇ بىرلا تەندۇر. چۈنكى، يەھۇدىي ياكى يەھۇدىي ئەمەس بولسۇن، قۇل ياكى ھۆر بولسۇن، ھەممىمىز ئوخشاش مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن چۆمۈلدۈرۈلۈپ، بىر تەننىڭ، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ تېنىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇپ، مۇقەددەس روھتىن بەھرىمەن بولدۇق. تەن بىرلا ئەزادىن ئەمەس، نۇرغۇن ئەزالاردىن تەشكىل تاپىدۇ. ئەگەر پۇت: «قول بولمىغانلىقىم ئۈچۈن تەنگە مەنسۇپ ئەمەسمەن» دېسە، بۇ ئۇنى تەندىن ئايرىۋېتەلەمدۇ؟ ئەگەر قۇلاق: «كۆز بولمىغانلىقىم ئۈچۈن تەنگە مەنسۇپ ئەمەسمەن» دېسە، بۇمۇ ئۇنى تەندىن ئايرىۋېتەلەمدۇ؟ پۈتۈن تەن كۆز بولسا، ئۇ قانداقمۇ ئاڭلىيالايدۇ؟ پۈتۈن تەن قۇلاق بولسا، ئۇ پۇراقنى قانداقمۇ سېزەلەيدۇ؟ ھالبۇكى، خۇدا تېنىمىزدىكى ھەربىر ئەزانى ئۆز خاھىشى بويىچە ئورۇنلاشتۇرغان. ئەگەر ھەممىسى ئوخشاش بىرلا ئەزا بولغان بولسا، ئۇنى قانداقمۇ تەن دېگىلى بولاتتى؟ ئەمەلىيەتتە، ئەزا كۆپ بولسىمۇ، لېكىن پەقەت بىر تەننىلا تەشكىل قىلىدۇ. شۇڭا، كۆز قولغا: «ساڭا ئېھتىياجىم يوق» دېيەلمەيدۇ. ياكى باش پۇتقا: «سىلەرگە ئېھتىياجىم يوق!» دېيەلمەيدۇ. دەل ئەكسىچە، تەننىڭ ئاجىز دەپ ھېسابلانغان ئەزالىرى كەم بولسا بولمايدۇ. تەننىڭ بىئەپ دەپ قارالغان ئەزالىرىغا تېخىمۇ كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىمىز. ئۇياتلىق دەپ قارالغان ئەزالىرىمىزنى تېخىمۇ دىققەت-ئېتىبار بىلەن ياپىمىز. ئۇياتلىق بولمىغان ئەزالىرىمىزنى يوشۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوقتۇر. خۇدا تېنىمىزدىكى قەدرى ئاز دەپ ھېسابلانغان ئەزالارنىڭ تېخىمۇ قەدىرلىنىشى ئۈچۈن، شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغان. بۇنىڭدىكى مەقسەت، تەندە پارچىلىنىش بولمىسۇن، ئەكسىچە ئەزالار بىر-بىرىگە ئوخشاش ئېتىبار بەرسۇن، دېگەندىن ئىبارەت. ئەگەر بىر ئەزاغا دەرد كەلسە، پۈتكۈل ئەزالار تەڭ دەرد تارتىدۇ، بىر ئەزا قەدىرلەنسە، پۈتكۈل ئەزالار تەڭ خۇشال بولىدۇ. دېمەك، ھەممىڭلار ئەيسا مەسىھنىڭ تېنىنى تەشكىل قىلغانسىلەر. ھەربىرىڭلار بۇ تەننىڭ ئوخشىمىغان ئايرىم-ئايرىم ئەزاسىسىلەر. شۇڭا، خۇدا ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدە باشتا ئەلچىلەرنى، ئىككىنچىسىگە خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزگۈچىلەرنى، ئۈچىنچىسىگە خۇدا توغرىسىدا تەلىم بەرگۈچىلەرنى، ئۇنىڭدىن كېيىن مۆجىزە كۆرسەتكۈچىلەرنى، كېسەللەرنى ساقايتىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولغانلارنى، باشقىلارغا ياردەم بەرگۈچىلەرنى، باشقۇرۇش قابىلىيىتى بولغانلارنى ھەمدە ئۆزلىرىگە نامەلۇم بولغان تىللاردا سۆزلىيەلەيدىغانلارنى تەيىنلىدى. ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى ئەلچىمۇ؟ ھەممىسى خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزگۈچىمۇ؟ ھەممىسى تەلىم بەرگۈچىمۇ؟ ھەممىسى مۆجىزە كۆرسەتكۈچىمۇ؟ ھەممىسى كېسەللەرنى ساقايتىش قابىلىيىتىگە ئىگىمۇ؟ ھەممىسى ئۆزلىرىگە نامەلۇم بولغان تىللاردا سۆزلىيەلەمدۇ؟ ھەممىسى بۇ تىللارنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرەلەمدۇ؟ ياق، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس. سىلەر كۆپچىلىك ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق بولغان قابىلىيەتلەرنى قوغلىشىڭلار. لېكىن، سىلەرنىڭ بۇ قابىلىيەتلەرنى ياخشى ئىشلىتىشىڭلار ئۈچۈن، مەن ئاۋۋال سىلەرگە ھەممىدىن ياخشى بىر يولنى كۆرسىتەي. گەرچە مەن يەر-يۈزىدىكى ھەرقانداق تىلدا، ھەتتا پەرىشتىلەرنىڭ تىللىرىدا سۆزلىيەلىسەممۇ، لېكىن باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببىتىم بولمىسا، سۆزلىرىم قۇلاققا خۇش ياقمايدىغان داقا-دۇمباق ياكى يېقىمسىز قوڭغۇراق ئاۋازىدەك بولۇپ قالىدۇ. گەرچە خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش قابىلىيىتىم بولسىمۇ، دۇنيانىڭ پۈتكۈل سىرلىرىنى بىلسەممۇ، خۇدادىن كەلگەن ئالاھىدە بىلىملەرگە ئىگە بولساممۇ ۋە تاغلارنى ئورنىدىن قوزغىتالايدىغان كامىل ئىشەنچىم بولسىمۇ، لېكىن باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببىتىم بولمىسا، ھېچنېمىگە ئەرزىمەس بىر ئادەم بولۇپ قالىمەن. گەرچە پۈتۈن مېلىمنى سەدىقە قىلىپ بېرىۋەتسەممۇ، ھەتتا خۇدانىڭ خىزمىتىدە جېنىمنى قۇربان قىلىپ، تېنىمنىڭ ئوتتا كۆيدۈرۈلۈشىگە رازى بولساممۇ، لېكىن باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببىتىم بولمىسا، بۇ قىلغانلىرىمنىڭ ماڭا ھېچ پايدىسى يوقتۇر. مېھىر-مۇھەببەت سەۋرچان ۋە مېھرىباندۇر. مېھىر-مۇھەببەت ھەسەتخورلۇق قىلمايدۇ، ماختانچاقلىق ۋە تەكەببۇرلۇقمۇ قىلمايدۇ. مېھىر-مۇھەببەت ئەدەپسىزلىك قىلمايدۇ، شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلىمەيدۇ، ئاسان ئاچچىقلانمايدۇ ۋە ئاداۋەت ساقلىمايدۇ. مېھىر-مۇھەببەت ناھەقچىلىكتىن خۇرسەن بولمايدۇ، ئەكسىچە ھەقىقەتتىن خۇشال بولىدۇ. مېھىر-مۇھەببەت ھەممىگە بەرداشلىق بېرىدۇ، ھەممىگە ئىشەنچ بىلەن قارايدۇ، ھەممە ئىشتا ئۈمىدۋار ۋە چىداملىق بولىدۇ. مېھىر-مۇھەببەت مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. لېكىن، خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزىدىغان قابىلىيەت بولسا ھامان ئاخىرلىشىدۇ. مۇقەددەس روھنىڭ كۈچى بىلەن ئۆزىگە نامەلۇم بولغان تىلدا سۆزلەش ئاخىر توختايدۇ، خۇدادىن كەلگەن ئالاھىدە بىلىملەرمۇ ئاخىرلىشىدۇ. چۈنكى، بۇ ئالاھىدە بىلىملەر چەكلىكتۇر. شۇنداقلا، خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش قابىلىيىتىمىزمۇ چەكلىكتۇر. بۇ دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىشى كەلگەندە، بۇنداق چەكلىك قابىلىيەتلەرنىڭمۇ ھاجىتى قالمايدۇ. بۇ خۇددى بالىلىق ۋاقتىمىزدا بالىلارچە سۆزلەپ، بالىلارچە ئويلاپ، بالىلارچە مۇھاكىمە قىلىپ، چوڭ بولغىنىمىزدا بالىلىقىمىزنى تاشلىغىنىمىزغا ئوخشاشتۇر. بىز سۇس كۆرۈنىدىغان ئەينەك ئارقىلىق كۆرۈۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن، ھەممە نەرسىنى غوۋا كۆرىمىز. لېكىن، كەلگۈسىدە بولسا يۈزمۇيۈز كۆرىمىز. ھازىر مېنىڭ خۇدا توغرىسىدا بىلىدىغىنىم چەكلىكتۇر، ئۇ ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە خۇدا مېنى تولۇق بىلگەندەك، مەنمۇ ھەممىنى تولۇق بىلىدىغان بولىمەن. مانا بۇ دۇنيادا ئېتىقاد، ئۈمىد ۋە مېھىر-مۇھەببەتتىن ئىبارەت بۇ ئۈچى داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئۇلۇغ بولغىنى مېھىر-مۇھەببەتتۇر. شۇڭا، مېھىر-مۇھەببەتنى قوغلىشىڭلار ھەمدە مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان ھەدىيىلەرگە، بولۇپمۇ خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش قابىلىيىتىگە قىزغىنلىق بىلەن ئىنتىلىڭلار. بىر كىشى مۇقەددەس روھنىڭ كۈچى بىلەن ئۆزىگە نامەلۇم بولغان تىلدا سۆزلىسە، ئۇ باشقىلارغا ئەمەس، بەلكى خۇداغا سۆزلەيدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ سۆزىنى ھېچكىم چۈشىنەلمەيدۇ. ئۇ مۇقەددەس روھنىڭ كۈچى بىلەن تۈرلۈك سىرلىق ئىشلارنى سۆزلەيدۇ. خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزگۈچىلەر بولسا باشقىلارنىڭ ئېتىقادتا ئۆسۈپ يېتىلىشى، رىغبەتلىنىشى ۋە تەسەللى تېپىشى ئۈچۈن سۆزلەيدۇ. نامەلۇم تىلدا سۆزلىگۈچى ئېتىقادتا ئۆز-ئۆزىنى يېتىلدۈرىدۇ. لېكىن، خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزگۈچى بولسا پۈتۈن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ ئېتىقادتا يېتىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ. ھەممىڭلارنىڭ مۇقەددەس روھنىڭ كۈچى بىلەن ئۆزۈڭلارغا نامەلۇم بولغان تىللاردا سۆزلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. لېكىن، سىلەرنىڭ خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈشۈڭلارنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى، نامەلۇم بولغان تىللاردا سۆزلەنگەن سۆزلەرنى چۈشەندۈرۈپ، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ ئېتىقادىنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردىمى بولىدىغان بىرەرسى بولمىسا، ئۇ چاغدا نامەلۇم تىللاردا سۆزلەشتىن، خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش قابىلىيىتى كۆپ ئەۋزەل بولىدۇ. ئەمدى قېرىنداشلار، ئەگەر مەن يېنىڭلارغا بېرىپ، ئۆز تىلىڭلاردا سىلەرگە خۇدا تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان ھەقىقەتنى، خۇدادىن كەلگەن ئالاھىدە بىلىم، ۋەھىي ياكى بىرەر تەلىم يەتكۈزمەي، پەقەتلا مۇقەددەس روھنىڭ كۈچى بىلەن بۇنداق نامەلۇم تىلدا سۆزلىسەم، سىلەرگە نېمە پايدام بولسۇن؟ شۇنىڭدەك، ئاۋاز چىقىرالايدىغان جانسىز نەرسىلەر، مەسىلەن نەي ياكى چىلتارمۇ ئېنىق ئاھاڭ چىقارمىسا، ھېچكىم ئۇنىڭ چېلىنىۋاتقان مۇزىكا ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيدىغۇ؟ جەڭ كانىيىمۇ بەلگىلىك بىر ئاھاڭدا چېلىنمىسا، ھېچكىم جەڭگە ھازىرلانمايدىغۇ؟ شۇنىڭدەك، سىلەرمۇ چۈشىنىشلىك تىلدا سۆزلىمىسەڭلار، نېمە دېمەكچى بولغىنىڭلارنى كىم چۈشىنەلەيدۇ؟ ئۇ چاغدا، ھاۋاغا گەپ قىلغاندەك بولىسىلەر. شۈبھىسىزكى، دۇنيادا خىلمۇخىل تىللار بار ھەم ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى چۈشىنىكسىز ئەمەس. بىراق، مەلۇم بىر ئادەمنىڭ تىلىنى چۈشەنمىسەم، ئۇ ماڭا يات بولىدۇ، مەنمۇ ئۇنىڭغا يات بولىمەن. شۇڭا، سىلەر مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان قابىلىيەتلەرگە ئىگە بولۇشقا قىزغىنلىق بىلەن ئىنتىلگەنىكەنسىلەر، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ ئېتىقادتا يېتىلىشىگە ياردەم بېرىدىغان قابىلىيەتلەرنى ئىگىلەشكە تېخىمۇ كۆپ ئىنتىلىڭلار. شۇڭا، ئۆزىگە نامەلۇم بولغان تىلدا سۆزلىيەلەيدىغان كىشى ئۆزىنىڭ سۆزلىگەنلىرىنى چۈشەندۈرۈش قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن دۇئا قىلسۇن. چۈنكى، بىر كىشى ئۇنداق تىلدا دۇئا قىلسا، ئۇنىڭ روھى مۇقەددەس روھ ئارقىلىق خۇداغا دۇئا قىلغان بولىدۇ. لېكىن، ئۇ ئۆز ئەقىل-ئىدراكى بىلەن بۇ دۇئانى چۈشىنەلمەيدۇ. ئۇنداقتا، ئۇ قانداق قىلىشى كېرەك؟ ئۇ بەزىدە مۇقەددەس روھ ئارقىلىق بۇنداق تىلدا سۆزلەش بىلەن، بەزىدە ئەقىل-ئىدراكى بىلەن دۇئا قىلسۇن. شۇنداقلا، ئۇ بەزىدە مۇقەددەس روھ ئارقىلىق، بەزىدە ئەقىل-ئىدراكى بىلەن خۇداغا مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتسۇن. ئەگەر مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئۆزۈڭگە نامەلۇم بولغان بۇنداق تىلدىلا خۇداغا شۈكۈر ئېيتساڭ، جامائەتچىلىك سېنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىڭنى چۈشەنمەي، ئېيتقان شۈكۈر دۇئالىرىڭغا قانداقمۇ: «ئامىن» دېيەلىسۇن؟ شۇڭا، سەن ھەرقانچە ياخشى شۈكۈر ئېيتساڭمۇ، لېكىن بۇ دۇئالار ھېچكىمنىڭ ئېتىقادتا يېتىلىشىگە ياردەم بېرەلمەيدۇ. مەن بۇنداق نامەلۇم تىلدا شەخسەن ھەممىڭلاردىن كۆپ سۆزلەيدىغانلىقىم ئۈچۈن، خۇداغا شۈكۈر ئېيتىمەن. لېكىن، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدە باشقىلارنىڭ تەلىم ئېلىشى ئۈچۈن، نامەلۇم تىلدا ئون مىڭ ئېغىز سۆزلىگەندىن كۆرە، ھەممە ئادەم چۈشىنىدىغان تىلدا بەش ئېغىز سۆزلىگىنىم ياخشىدۇر. قېرىنداشلار، يامانلىق قىلىشنى بىلمەيدىغان سەبىي بالىلاردەك بولۇڭلار، لېكىن بۇ ئىشلارغا كەلگەندە ئوي-پىكرىڭلار كىچىك بالىلاردەك ئەمەس، بەلكى چوڭلاردەك بولسۇن. مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدا مۇنداق دېگەن: «غەيرىي تىللاردا سۆزلەيدىغانلار ئارقىلىق، يات مىللەتلەرنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق سۆزلەيمەن خەلقىمگە. بىراق، ئۇلار يەنىلا ئىتائەت قىلماس ماڭا.» بۇ ئايەتتىن قارىغاندا، ئۆزىگە نامەلۇم بولغان تىلدا سۆزلەش خۇدانىڭ ئۆزىگە ئېتىقاد قىلىدىغانلارغا ئەمەس، بەلكى قىلمايدىغانلارغا قارىتىلغان بىر بەلگىسىدۇر. خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش بولسا خۇدانىڭ ئۆزىگە ئېتىقاد قىلمايدىغانلارغا ئەمەس، بەلكى قىلىدىغانلارغا قارىتىلغان، خۇدانىڭ ئۇلار بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنىڭ بىر بەلگىسىدۇر. ئەگەر پۈتۈن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىڭلار جەم بولۇپ، ھەممە ئادەم ئۆز ئالدىغا بۇنداق نامەلۇم تىلدا سۆزلەۋەرگەندە بۇنىڭدىن خەۋىرى بولمىغانلار ياكى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمايدىغانلار ئاراڭلارغا كىرىپ قالسا، «سىلەر ساراڭ بولۇپ قاپسىلەر!» دېيىشمەمدۇ؟ لېكىن، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىڭلار ئوخشاش بىر تىلدا خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈۋاتقاندا ئېتىقاد قىلمىغان ياكى ئەھۋالدىن خەۋىرى بولمىغان بىرى ئاراڭلارغا كىرىپ قالسا، ئۇ ھەممىڭلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىڭلاردىن ئۆزىنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ، ۋىجدانى ئازابلىنىدۇ. ئىچىدىكى يوشۇرۇن ئوي-پىكىرلىرى ئاشكارىلىنىپ، بۇنىڭ بىلەن «خۇدا ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە ئىكەن» دەپ ئېتىراپ قىلىپ، يەرگە باش قويۇپ خۇداغا سەجدە قىلىدۇ. قېرىنداشلار، مەن خۇلاسە قىلاي، سىلەر خۇداغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولغىنىڭلاردا، بەزىلىرىڭلار مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىسىلەر، بەزىلىرىڭلار تەلىم بېرىسىلەر، بەزىلىرىڭلار خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزىسىلەر، بەزىلىرىڭلار ئۆزۈڭلارغا نامەلۇم بولغان تىلدا سۆزلەيسىلەر، باشقىلار بولسا بۇ تىلنى چۈشەندۈرىدۇ. ھەممە ئىش جامائەتچىلىكنىڭ ئېتىقادىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن بولسۇن. ئەگەر ئۆزىگە نامەلۇم بولغان تىلدا سۆزلىمەكچى بولغانلار بولسا، ئەڭ كۆپ بولغاندا ئىككى ياكى ئۈچ كىشى نۆۋەت بىلەن سۆزلىسۇن. باشقا بىرى بۇ سۆزلەرنى چۈشەندۈرسۇن. يىغىلىشىڭلاردا بۇنى چۈشەندۈرەلەيدىغان كىشى بولمىسا، ئۇلار جامائەتچىلىكتە بۇنداق تىلدا سۆزلىمەي، ئۆز-ئۆزىگە ۋە خۇداغا سۆزلىسۇن. خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈشتىمۇ ئىككى ياكى ئۈچ كىشى سۆزلىسۇن، باشقىلار ئۇلارنىڭ سۆزلىگەنلىرىنىڭ خۇدادىن كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىكىنى پەرق ئەتسۇن. بۇ يىغىلىشتا ئولتۇرغانلارنىڭ بىرىگە خۇدادىن بىر ۋەھىي كەلسە، سۆزلەۋاتقان كىشى جىم بولۇپ، نۆۋەتنى ئۇنىڭغا بەرسۇن. چۈنكى، ھەممىڭلارنىڭ تەلىم ئېلىشىڭلار ۋە رىغبەتلەندۈرۈلۈشۈڭلار ئۈچۈن، خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى ۋەھىينى نۆۋەت بىلەن يەتكۈزسە بولىدۇ. خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزىدىغان ئادەم ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، نۆۋەت كۈتۈپ تۇرالايدۇ. جەم بولۇپ ئىبادەت قىلغىنىڭلاردا، قالايمىقانچىلىق بولمىسۇن. چۈنكى، خۇدا قالايمىقانچىلىق سالغۇچى ئەمەس، بەلكى تىنچلىق بەرگۈچىدۇر. مەن بىلىدىغان ھەرقايسى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئەنە شۇنداقتۇر. ئاياللار جامائەتچىلىك يىغىلىشلىرىدا قالايمىقان سۆزلەشمەي، شۈك ئولتۇرسۇن. چۈنكى، ئۇلارنىڭ شۇنداق سۆزلىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغان. تەۋرات قانۇنىدا بەلگىلەنگەندەك، ئۇلار تەرتىپكە رىئايە قىلسۇن. ئۇلار بىلمەكچى بولغان بىرەر نەرسە بولسا، ئۆيدە ئۆز ئەرلىرىدىن سورىسۇن. چۈنكى، يىغىلىشتا تەرتىپنى بۇزۇپ سۆزلەش ئاياللارغا ياراشمايدۇ. خۇدا توغرىسىدىكى تەلىمنى سىلەر ئۆزۈڭلاردىن چىققان ياكى يالغۇز سىلەرگىلا يېتىپ كەلگەن، دەپ ئويلايدىكەنسىلەر. ب ۇ دۇرۇس ئەمەس! ئەگەر سىلەردىن بىرىڭلار ئۆزىنى خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزگۈچى ياكى ئېتىقاد جەھەتتە يېتىلگەن دەپ قارىسا، ئۇ مېنىڭ سىلەرگە يازغانلىرىمنىڭ رەببىمىزنىڭ ئەمرى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك. ئەگەر سىلەر بۇ ئەمرگە پەرۋا قىلمىساڭلار، سىلەرمۇ خۇدا تەرىپىدىن پەرۋا قىلىنمايسىلەر. شۇنىڭ ئۈچۈن، قېرىنداشلىرىم، خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈشكە قىزغىنلىق بىلەن ئىنتىلىڭلار. مۇقەددەس روھنىڭ كۈچى بىلەن ئۆزۈڭلارغا نامەلۇم بولغان تىلدا سۆزلەشنىمۇ چەكلىمەڭلار. لېكىن، ھەممە ئىش تەرتىپ-قائىدىلىك بولسۇن. قېرىنداشلار، ئىلگىرى مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن، سىلەرمۇ قوبۇل قىلىپ ئېتىقادىڭلارنىڭ ئاساسى قىلغان خۇش خەۋەرنى ئېسىڭلارغا سالماقچىمەن. مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن خۇدانىڭ بۇ ھەقىقىتىدە چىڭ تۇرساڭلار، ئۇ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلىسىلەر. ئۇنداق بولمىغاندا، بىھۇدە ئېتىقاد قىلغان بولىسىلەر. ئاۋۋال پېترۇسقا، ئاندىن كېيىن ئون ئىككى ئەلچىنىڭ ئىچىدىكى باشقىلارغىمۇ كۆرۈندى. كېيىن، بىرلا ۋاقىتتا بەش يۈزدىن ئارتۇق قېرىنداشقا كۆرۈندى. بۇ قېرىنداشلارنىڭ بەزىلىرى ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، كۆپچىلىكى تېخى ھايات. مەن ئەلچىلەر ئارىسىدىكى ئەڭ ئەرزىمەس ئەلچىمەن ھەمدە خۇدانىڭ جامائەتچىلىكىگە زىيانكەشلىك قىلغانلىقىم ئۈچۈن، ئەلچى دەپ ئاتىلىشقىمۇ لايىق ئەمەسمەن. لېكىن، ھازىر ئەلچى بولۇشۇم خۇدانىڭ ماڭا كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق بولدى. ئۇنىڭ ماڭا قىلغان مېھىر-شەپقىتى بىكارغا كەتمىدى. چۈنكى، خۇدانىڭ خىزمىتىدە ئەلچىلەرنىڭ ھەممىسىدىن كۆپ ئەجىر سىڭدۈردۈم. ئەمەلىيەتتە، مەن ئۆز كۈچ-قابىلىيىتىم بىلەن ئەمەس، بەلكى ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەن خۇدانىڭ كۈچى بىلەن ئىشلىدىم. دېمەك، مەيلى مەن ياكى باشقا ئەلچىلەر بولسۇن، ھەممىمىزنىڭ يەتكۈزگەنلىرى ئوخشاش بولۇپ، ئۇ دەل سىلەر ئىشىنىپ قوبۇل قىلغان خۇش خەۋەردۇر. ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلگەنلىكى سىلەرگە يەتكۈزۈلگەن تۇرۇقلۇق، يەنە نېمە ئۈچۈن ئاراڭلاردا بەزىلەر «ئۆلگەنلەر قايتا تىرىلمەيدۇ» دەيدۇ؟ ئەگەر ئۆلگەنلەر قايتا تىرىلىدىغان ئىش بولمىسا، ئەيسا مەسىھنىڭ تىرىلىشىمۇ مۇمكىن بولمىغان بولاتتى. ئەيسا مەسىھ تىرىلمىگەن بولسا، بىزنىڭ يەتكۈزگەن تەلىملىرىمىز ۋە سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار بىھۇدە بولۇپ كېتەتتى. ھەتتا بىزنىڭ خۇدا توغرىسىدىكى گۇۋاھلىقىمىزمۇ يالغان بولغان بولاتتى. چۈنكى، بىز خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردۇق. ئەگەر ھەقىقەتەن ئۆلۈمدىن تىرىلىش بولمىسا، خۇدامۇ ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرمىگەن بولاتتى. ئەگەر ئۆلگەنلەر قايتا تىرىلىدىغان ئىش بولمىسا، ئەيسا مەسىھنىڭمۇ تىرىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئەيسا مەسىھ تىرىلمىگەن بولسا، ئېتىقادىڭلار ئەھمىيەتسىز بولۇپ، گۇناھلىرىڭلار تېخىچە كەچۈرۈلمىگەن بولاتتى. ئۇ چاغدا، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان ھەم تۈگەپ كەتكەن قېرىنداشلارمۇ دوزاخقا چۈشكەن بولاتتى. ئەگەر پەقەت بۈگۈنكى ھايات ئۈچۈنلا ئەيسا مەسىھكە ئۈمىد باغلىغان بولساق، ئۇ چاغدا بىز بۇ دۇنيادىكى ھەرقانداق بىچارە كىشىلەردىنمۇ بىچارە بولۇپ قالغان بولىمىز. لېكىن، ئەمەلىيەتتە ئەيسا مەسىھ ئۆلۈمدىن تىرىلدى. ئۇنىڭ تىرىلىشى ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا تىرىلىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. چۈنكى، ئۆلۈم بىر ئادەم، يەنى ئادەم~ئاتا ئارقىلىق دۇنيادا پەيدا بولغىنىدەك، ئۆلۈمدىن تىرىلىشمۇ بىر ئادەم، يەنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق پەيدا بولدى. پۈتكۈل ئىنسان ئادەم~ئاتىنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئوخشاشلا ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىندى. لېكىن، ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان بىزلەر ئەيسا مەسىھكە ئوخشاش ئۆلۈمدىن تىرىلىمىز. بىراق، ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆز نۆۋىتى بار. ئالدى بىلەن كاپالەتچى بولغان ئەيسا مەسىھ تىرىلدى، ئاندىن كېيىن ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەندە ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولغانلار تىرىلىدۇ. ئاندىن، قىيامەت كۈنى كېلىدۇ. شۇ چاغدا، ئەيسا مەسىھ يامان روھلاردىن ئىبارەت بولغان بارلىق ھۆكۈمرانلار، ھوقۇقدارلار ۋە كۈچلۈكلەرنى يوقىتىپ، پادىشاھلىقىنى ئاتىمىز خۇداغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. ئەيسا مەسىھ پۈتكۈل دۈشمەنلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئايىغى ئاستىدا تىز پۈكتۈرگۈچە ھۆكۈم سۈرۈشى كېرەك. يوقىتىلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى دۈشمەن ئۆلۈمدۇر. مۇقەددەس يازمىلاردا: «خۇدا ھەممىنى ئۇنىڭ ئايىغى ئاستىدا تىز پۈكتۈردى» دېيىلىدۇ. بۇ يەردە ئېيتىلغان «بارلىقىنى ئۇنىڭ ئايىغى ئاستىدا تىز پۈكتۈردى» دېگەن سۆزنىڭ خۇدانى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقى ئېنىقتۇر. پۈتكۈل مەۋجۇدات ئەيسا مەسىھكە تىز پۈككەندە، خۇدانىڭ ئوغلى، يەنى ئەيسا مەسىھمۇ پۈتكۈل مەۋجۇداتنى ئۆزىگە تىز پۈكتۈرۈپ بەرگەن خۇداغا تىز پۈكىدۇ. شۇ چاغدا، خۇدا ھەممىسىگە نىسبەتەن ھەقىقەتەن باشقۇرغۇچى بولىدۇ. ئۆلۈمدىن تىرىلىش بولمىسا، بەزىلەرنىڭ ئۆلگەنلەر ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈلۈشىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ ئۆلگەنلەر زادى تىرىلمىسە، كىشىلەرنىڭ ئۇلار ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈلگىنى بىكار بولىدۇ. بىز نېمە ئۈچۈن ھەر دائىم ئۆزىمىزنى خەتەرگە ئاتايمىز؟ مېنىڭ ھەر كۈنى ئۆلۈمگە دۇچ كېلىۋاتقىنىم راست! قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ سىلەرنىڭ ھاياتىڭلاردا شۇنداق كۆپ ئىشلارنى قىلغانلىقى بىلەن پەخىرلەنگىنىمنىڭ راستلىقىغا ئوخشاش، بۇ سۆزۈمنىڭمۇ ھەرگىز يالغان يېرى يوقتۇر. مەن ئەفەس شەھىرىدە يىرتقۇچ ھايۋانلارغا ئوخشاش ئاشۇ رەقىبلەر بىلەن ئېلىشتىم. ئۆلۈمدىن تىرىلىش بولمىسا، مېنىڭ شۇنداق قىلغىنىمنىڭ نېمە پايدىسى بولاتتى؟ ئەگەر ئۆلگەنلەر تىرىلمىسە، ئۇنداقتا «بەرىبىر ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغان بولغاندىن كېيىن، يەپ-ئىچىپ يۈرۈۋالايلى» دېگەن سۆز يوللۇق بولاتتى! مۇنداق سۆزلەرگە ئالدانماڭلار، چۈنكى «يامان بىلەن دوست بولساڭ، ياخشى ئەخلاقنى بۇزار.» ئەقىل-ھوشۇڭلارنى تېپىپ، گۇناھ قىلىشتىن قول ئۈزۈڭلار. بەزىلىرىڭلار خۇدانى تېخىچە تونۇمايسىلەر. بۇ سۆزنى سىلەرنى خىجىل بولسۇن، دەپ ئېيتىۋاتىمەن. لېكىن بەزىلەر: «ئۆلگەنلەر قانداق تىرىلىدۇ؟ ئەگەر ئۆلگەن ئادەم تىرىلسە، ئۇنىڭ تېنى قانداق بولىدۇ؟» دەپ سورىشى مۇمكىن. نېمىدېگەن ئەخمىقانە سوئال! ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشى خۇددى ئۇرۇقنىڭ توپىغا تاشلىنىپ قۇربان بولۇپ، قايتا بىخ سۈرۈپ چىققىنىغا ئوخشايدۇ. دېھقان ئۇرۇقنى تېرىغىنىدا، ئۈنۈپ چىقىدىغان ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆزىنى ئەمەس، پەقەت ئۇرۇقىنى، مەسىلەن بۇغداي ياكى باشقا بىر ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقىنى تېرىيدۇ. خۇدا بولسا ئۆز خاھىشى بويىچە ئاشۇ ھەربىر ئۇرۇقنىڭ ئۆز نەسلىگە خاس تەنلىرىنى بېرىدۇ. ھەربىر ئۇرۇقنىڭ تېنى ئوخشاش بولمىغاندەك، ھەممە جانلىقلارنىڭ تېنىمۇ بىر-بىرىگە ئوخشاش بولمايدۇ. ئىنسانلارنىڭ، ھايۋانلارنىڭ، قۇشلارنىڭ ۋە بېلىقلارنىڭ تېنى بىر-بىرىگە ئوخشاش ئەمەس. ئاسماندا جىسىملار بار، يەردىمۇ جىسىملار بار. ئاسماندىكى جىسىملارنىڭ گۈزەللىكى باشقىدۇر، يەردىكى جىسىملارنىڭمۇ گۈزەللىكى باشقىدۇر. قۇياشنىڭ گۈزەللىكى، ئاينىڭ گۈزەللىكى ۋە يۇلتۇزلارنىڭ گۈزەللىكىمۇ باشقا-باشقىدۇر. گۈزەللىكتە يۇلتۇزمۇ يۇلتۇزدىن پەرقلىنىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، تىرىلدۈرۈلگەندىن كېيىنكى تېنىمىز ئۆلگەندىن كېيىنكى تېنىمىزگە ئوخشىمايدۇ. كۆمۈلگەن تېنىمىز چىرىپ كېتىدۇ، لېكىن تىرىلدۈرۈلگەن تېنىمىز بولسا مەڭگۈ چىرىمەيدۇ. تېنىمىز شەرەپسىز ھالدا ئاجىزلىقتا كۆمۈلىدۇ لېكىن، شان-شەرەپ ۋە قۇدرەتتە تىرىلدۈرۈلىدۇ. تېنىمىز جىسمانىي تەن ھالىتىدە كۆمۈلىدۇ. لېكىن، ئالاھىدە بىر تەن ھالىتىدە تىرىلدۈرۈلىدۇ. بۇ دۇنياغا خاس جىسمانىي تېنىمىز بولغىنىدەك، ئۇ دۇنياغا خاس ئالاھىدە تېنىمىزمۇ بار بولىدۇ. بۇ دۇنياغا خاس تەن توغرۇلۇق مۇقەددەس يازمىلاردا: «تۇنجى ئىنسان، يەنى ئادەم~ئاتىغا ھاياتلىق بېرىلدى» دەپ يېزىلغان. ئاخىرقى ئادەم~ئاتا، يەنى ئەيسا مەسىھ بولسا ئۇ دۇنيادا ياشىشىمىز ئۈچۈن بىزگە مەڭگۈلۈك ھاياتلىق بەردى. ئەڭ ئاۋۋال پەيدا بولغان تەن ئۇ دۇنياغا خاس تەن ئەمەس، بەلكى بۇ دۇنياغا خاس تەندۇر. كېيىن پەيدا بولغان تەن بولسا ئۇ دۇنياغا خاس ئالاھىدە بىر تەندۇر. دەسلەپكى ئىنسان يەردىن، يەنى توپىدىن يارىتىلدى. كېيىنكى ئىنسان، يەنى ئەيسا مەسىھ ئەرشتىن كەلدى. بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان ئىنسانلار توپىدىن يارىتىلغان ئادەم~ئاتىغا ئوخشايدۇ. مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدىغانلار بولسا ئەرشتىن كەلگەن ئەيسا مەسىھكە ئوخشايدىغان بولىدۇ. بىزلەر توپىدىن يارىتىلغان ئادەم~ئاتىغا قانداق ئوخشاش بولساق، كەلگۈسىدە ئەرشتىن كەلگەن ئەيسا مەسىھكىمۇ شۇنداق ئوخشاش بولىمىز. قېرىنداشلار، شۇنى دېمەكچىمەنكى، بىزنىڭ گۆش ۋە قاندىن تۆرەلگەن جىسمانىي تېنىمىز خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرەلمەيدۇ. بىزنىڭ ئۆلۈپ چىرىيدىغان تېنىمىز مەڭگۈ ياشىيالمايدۇ. ئەمدى خۇدا ماڭا ئاشكارىلىغان ھەقىقەتنى سىلەرگە ئېيتاي. ھەممىمىزلا ئۆلمەيمىز، بىراق ھەممىمىز پۈتۈنلەي ئۆزگىرىمىز. بۇ ئىش ئەڭ ئاخىرقى كاناي چېلىنغاندا، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بىر دەمدىلا يۈز بېرىدۇ. كاناي چېلىنىشى بىلەنلا، ئۆلگەن ئېتىقادچىلار چىرىمەس تەن بىلەن تىرىلىدۇ، بىزلەرمۇ ئۆزگىرىمىز. چۈنكى، بۇ چىرىيدىغان تېنىمىز چىرىمەيدىغان تەنگە، بۇ ئۆلىدىغان تېنىمىز ئۆلمەيدىغان تەنگە ئايلىنىشى كېرەك. چىرىيدىغان ۋە ئۆلىدىغان تېنىمىز چىرىمەيدىغان ۋە ئۆلمەيدىغان تەنگە ئايلانغاندا، مۇقەددەس يازمىلاردىكى ئالدىن ئېيتقان بۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ: «ئۆلۈم يېڭىلىپ، يوق بولدى!» «ئەي ئۆلۈم، غەلىبەڭ يوق ئەمدى! ئەي ئۆلۈم، نەشتىرىڭ يوق ئەمدى!» ئۆلۈمنىڭ نەشتىرى - گۇناھتۇر. گۇناھنىڭ كۈچى بولسا بىزنىڭ تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلمىغانلىقىمىزدىن پەيدا بولىدۇ. لېكىن، خۇداغا شۈكۈر! چۈنكى خۇدا رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىزنى ئۆلۈم ۋە گۇناھ ئۈستىدىن غەلىبىگە ئېرىشتۈردى. شۇنىڭ ئۈچۈن، قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، ئېتىقادىڭلاردا تەۋرەنمەي، چىڭ تۇرۇڭلار. رەببىمىزگە ئەستايىدىللىق بىلەن خىزمەت قىلىڭلار. رەببىمىز ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىڭلارنىڭ ھەرگىز بىھۇدە كەتمەيدىغانلىقىنى چۈشىنىڭلار. خېتىڭلاردا يازغان يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلارغا بېرىلىدىغان ئىئانە ئىشىغا كەلسەك، سىلەرمۇ گالاتىيا ئۆلكىسىدىكى جامائەتچىلىكلەرگە ئېيتقىنىمدەك قىلىڭلار. ھەر يەكشەنبە كۈنى، ھەربىرىڭلار ھەپتىلىك تاپاۋىتىڭلارغا قاراپ، ئۇنىڭ مەلۇم قىسمىنى ئىئانىگە ئاجرىتىپ توپلاڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، يېنىڭلارغا بارغىنىمدا پۇل توپلىنىپ بولغان بولىدۇ. مەن يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، ئىئانەڭلارنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئۆزۈڭلار تاللىغان كىشىلەرنى تونۇشتۇرۇش خېتىم بىلەن يېرۇسالېمدىكى جامائەتچىلىكنىڭ يېتەكچىلىرىگە ئەۋەتىمەن. ئەگەر ئۆزۈمنىڭ بېرىشىغا توغرا كەلسە، ئۇلار بىلەن بىللە بارىمەن. ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە بارغاندىن كېيىن، يېنىڭلارغا بارىمەن. چۈنكى، ماكېدونىيىدىن ئۆتمەكچىمەن. بەلكىم يېنىڭلاردا بىر مەزگىل تۇرۇشۇم ۋە ھەتتا قىشنى سىلەر بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈشۈممۇ مۇمكىن. كېيىن قەيەرگە بارماقچى بولسام، سىلەر ياردەم قىلىپ، مېنى يولغا سېلىپ قويارسىلەر. بۇ قېتىم سىلەرنى يول ئۈستىدىلا كۆرۈپ ئۆتۈپ كېتىشنى خالىمايمەن. خۇدا بۇيرۇسا، سىلەر بىلەن ئۇزۇنراق ۋاقىت بىللە بولىمەن. لېكىن، ئورما ھېيتىغىچە ئەفەس شەھىرىدە داۋاملىق تۇرماقچىمەن. چۈنكى، بۇ يەردە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ماڭا ئىشىك كەڭ ئوچۇقتۇر. كۆپ كىشىلەر ئۇنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ. لېكىن، خۇش خەۋەرگە قارشى تۇرۇۋاتقانلارمۇ كۆپ بولۇۋاتىدۇ. تىموتىي يېنىڭلارغا بېرىپ، سىلەر بىلەن بىللە تۇرغاندا، ئۇنىڭ قورقماي، ئەركىن-ئازادە بولۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈڭلار. چۈنكى، ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش، رەببىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. ھېچكىم ئۇنىڭغا سەل قارىمىسۇن. ھەممىڭلار ئۇنىڭغا ياردەم بېرىپ، ئۇنى يېنىمغا ساق-سالامەت يولغا سېلىپ قويۇڭلار. چۈنكى، ئۇنىڭ باشقا قېرىنداشلار بىلەن بىللە كېلىشىنى كۈتمەكتىمەن. قېرىندىشىمىز ئاپوللوسقا كەلسەك، ئۇنى قېرىنداشلار بىلەن بىللە سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بېرىشقا كۆپ دەۋەت قىلدىم. لېكىن، ئۇنىڭ ھازىر ھېچ بارغۇسى يوق. كېيىن پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەندە بارىدۇ. قېرىنداشلار، ئېتىقاد يولىدا ھوشيار بولۇڭلار، ئېتىقادىڭلاردا چىڭ تۇرۇڭلار، مەردانە ۋە قەيسەر بولۇڭلار. ھەممە ئىشنى مېھىر-مۇھەببەت بىلەن قىلىڭلار. يېنىڭلاردىن ئىستىپاناس، فورتۇنات ۋە ئاخايىكنىڭ بۇ يەرگە مېنى يوقلاپ كەلگەنلىكىگە ناھايىتى خۇش بولدۇم. چۈنكى، ھازىر سىلەر مەن بىلەن بىللە بولالمىغىنىڭلار ئۈچۈن، ئۇلار سىلەرنىڭ ئورنۇڭلاردا ماڭا ياردەم قىلدى. ئۇلار سىلەرنى روھلاندۇرغاندەك، مېنىڭ قەلبىمنىمۇ روھلاندۇردى. بۇنداق كىشىلەرنى قەدىرلەڭلار. بۇ يەردىكى، يەنى ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى جامائەتچىلىكلەردىن سىلەرگە سالام. ئاكۋىلا بىلەن ئايالى پرىسكىلا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە جەم بولىدىغان جامائەتچىلىك سىلەرگە رەببىمىزنىڭ نامى بىلەن سەمىمىي سالام يوللىدى. بۇ يەردىكى بارلىق قېرىنداشلار سىلەرگە سالام ئېيتتى. بىر-بىرىڭلار بىلەن مېھرىبانلارچە سالاملىشىڭلار. مانا ھازىر بۇ ئاخىرقى سالاملارنى مەنكى پاۋلۇس ئۆز قولۇم بىلەن يېزىۋاتىمەن. رەببىمىزنى سۆيمىگەنلەرگە لەنەت بولسۇن. ئى رەببىمىز، كەلگەيسەن! رەببىمىز ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي. ھەممىمىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، سىلەرنى چىن دىلىمدىن سۆيىمەن، ئامىن! خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئەيسا مەسىھكە ئەلچى بولۇشقا چاقىرىلغان مەنكى پاۋلۇس ۋە قېرىندىشىمىز تىموتىيدىن كورىنت شەھىرىدىكى خۇداغا مەنسۇپ بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە، جۈملىدىن يۇنان ئۆلكىسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خۇدانىڭ بارلىق مۇقەددەس خەلقىگە سالام. خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي! رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسى، يەنى بارلىق تەسەللىنىڭ مەنبەسى بولغان رەھىمدىل ئاتىمىز خۇداغا مەدھىيىلەر ئوقۇلغاي! ھەرقانداق مۈشكۈللۈككە ئۇچرىغىنىمىزدا، خۇدا بىزگە تەسەللى بېرىپ كەلدى. شۇڭا، بىزمۇ خۇدادىن ئالغان تەسەللى بىلەن مۈشكۈل ئەھۋالدا قالغانلارغا تەسەللى بېرەلەيمىز. بىز ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن كۆپ ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن بولساق، ئۇ ئارقىلىق يەنە كۆپ تەسەللىمۇ تاپىمىز. بىزنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىمىز سىلەرنىڭ تەسەللى تېپىشىڭلار ۋە قۇتقۇزۇلۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر. بىزنىڭ تەسەللى تېپىشىمىز سىلەرنىڭمۇ تەسەللى تېپىشىڭلار ئۈچۈندۇر. بۇ تەسەللى ئارقىلىق، سىلەر بىز بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەندەك ئازاب-ئوقۇبەتكە دۇچ كەلگەندە، سەۋر-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بېرەلەيسىلەر. شۇڭا، سىلەرنىڭ بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىڭلارغا ئىشەنچىمىز كامىل. چۈنكى بىز بىلىمىزكى، سىلەر بىز چەككەن ئازاب-ئوقۇبەتنى چەككەنگە ئوخشاش، بىز ئېرىشكەن تەسەللىگىمۇ ئېرىشىسىلەر. قېرىنداشلار، بىزنىڭ ئاسىيا ئۆلكىسىدە چەككەن ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمىزدىن خەۋەردار بولۇشۇڭلارنى توغرا تاپتۇق. ئۇ ۋاقىتلاردا، چىدىغۇسىز ئېغىر بېسىم ئاستىدا ھەتتا ھاياتىمىزدىنمۇ ئۈمىد ئۈزگەنىدۇق. كۆڭلىمىزدە ھەقىقەتەنمۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم بولدۇق، دەپ ئويلىغانىدۇق. بۇنىڭدىن بىز ئۆزىمىزگە ئەمەس، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدىغان خۇداغىلا تايىنىشىمىز لازىملىقىنى تونۇپ يەتتۇق. خۇدا بىزنى چوڭ بىر ئۆلۈم خەۋپىدىن قۇتۇلدۇرغان ۋە قۇتۇلدۇرىدۇ. ئۈمىدىمىز بىزنى كەلگۈسىدە يەنە قۇتۇلدۇرىدىغان خۇداغا باغلانغان. سىلەرمۇ بىزگە دۇئا قىلىۋاتقانلىقىڭلار سەۋەبىدىن بىز ئۈچۈن قىلىنغان تېخىمۇ كۆپ دۇئالار خۇداغا يېتىپ، خۇدا بىزنى ئۆلۈم خەۋپىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، كۆپلىگەن كىشىلەر خۇداغا شۈكۈرلەر ئېيتىدۇ. بۇ دۇنيانىڭ دانالىقىغا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ شەپقىتىگە تايىنىپ، يۈرۈش-تۇرۇشىمىزدا بولۇپمۇ سىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزدە سەمىمىي ۋە ئاق كۆڭۈل بولغانلىقىمىزغا ۋىجدانىمىز گۇۋاھتۇر. بىز مانا بۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنىمىز. بىزنىڭ سىلەرگە يازغانلىرىمىزدا ھېچقانداق يوشۇرۇن مەنە ياكى سىلەر چۈشىنەلمىگۈدەك يەر يوقتۇر. مەن شۇنى ئارزۇ قىلىمەنكى، گەرچە سىلەر بىزنى ھازىرغىچە تولۇق چۈشەنمىسەڭلارمۇ، كەلگۈسىدە تولۇق چۈشەنگەيسىلەر. شۇنداق بولغاندا، خۇددى بىز سىلەر بىلەن پەخىرلەنگىنىمىزدەك، رەببىمىز ئەيسا قايتا كەلگەن كۈنى سىلەرمۇ بىز بىلەن پەخىرلىنىسىلەر. بىراق قايتىشىمدا، سىلەرگە يولۇقالمىدىم. بۇ، نىيىتىمنىڭ بىقارار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتەرمۇ!؟ ياكى مەن پىلان قىلغاندا، شەخسىي غەرىزىگە يېتىش ئۈچۈن بىر دەم «ھەئە»، بىر دەم «ياق» دەيدىغان ئادەملەردەك بولۇپ قالدىممۇ!؟ سىلەرگە ئېيتقان سۆزلىرىم خۇددى خۇدا ئىشەنچلىك بولغاندەك ئىشەنچلىكتۇر. سۆزلىرىم ھەرگىزمۇ بىردەم «ھەئە» بىردەم «ياق» دەپ ئۆزگىرىپ تۇرمايدۇ. مەن سىلاس ۋە تىموتىيلار بىلەن سىلەرگە خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزگەن خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھ بىر دەم «ھەئە»، بىر دەم «ياق» دەيدىغانلاردىن ئەمەستۇر. ئۇ خۇدانىڭ پۈتۈن ۋەدىلىرىدىكى «ھەئە»~دۇر. خۇدانىڭ پۈتۈن ۋەدىلىرى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق «ئامىن» دەپ، خۇدانى ئۇلۇغلايمىز. سىلەر بىلەن بىزنى ئەيسا مەسىھكە باغلاپ، ئېتىقادتا مۇستەھكەم قىلغۇچى خۇدادۇر. ئۇ بىزنى ئۆزى ئۈچۈن تاللىدى. قەلبىمىزگە مۇقەددەس روھنى سېلىش بىلەن بىزگە ئىگىدارچىلىق مۆھرىنى بېسىپ، ئۇنى ئۆز ۋەدىسىنىڭ تولۇق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنىڭ كاپالىتى قىلدى. خۇدا ماڭا گۇۋاھچى بولسۇنكى، كورىنت شەھىرىگە قايتا بارمىغانلىقىمنىڭ سەۋەبى سىلەرگە قاتتىق قوللۇق قىلىپ قويۇشۇمدىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر. بىز سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلماقچى ئەمەسمىز. چۈنكى شۇنى بىلىمىزكى، سىلەر خۇداغا تايىنىپ، ئېتىقادتا مۇستەھكەم تۇرۇۋاتىسىلەر. بىز پەقەت سىلەرنىڭ خۇشال بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەر بىلەن بىرگە خىزمەت قىلماقچىمىز. شۇڭا، شۇ چاغدا مەن يېنىڭلارغا بارماسلىقنى قارار قىلدىم. چۈنكى، سىلەرنى ئۆتكەنكىدەك غەم-قايغۇغا سېلىشنى خالىمىدىم. سىلەرنى غەم-قايغۇغا سالسام، مېنى خۇش قىلالايدىغان ئادەملەرنى قايغۇغا سالغان بولمامدىمەن؟ ئۇنداقتا، كىم مېنى خۇش قىلالىسۇن؟ شۇنىڭ ئۈچۈن، يېنىڭلارغا بېرىشنىڭ ئورنىغا خەت يازدىم. مەقسىتىم، يېنىڭلارغا بارغان ۋاقتىمدا مېنى خۇشال قىلىشقا تېگىشلىك بولغان سىلەرنىڭ ئەكسىچە مېنى قايغۇغا سالماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر. مەن ئىشىنىمەنكى، مېنىڭ خۇشاللىقىم سىلەرنىڭ خۇشاللىقىڭلاردۇر. ئۇ خەتنى سىلەرنى غەم-قايغۇغا سېلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى مېنىڭ سىلەرگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىمنى چۈشىنىشىڭلار ئۈچۈن، قاتتىق قايغۇ-ئەلەم ئىچىدە كۆز ياشلىرىمنى تۆكۈپ تۇرۇپ يازغانىدىم. ئەگەر بىرەرسى قايغۇ ئېلىپ كەلگەن بولسا، ئۇ ماڭىلا ئەمەس، پۈتۈن جامائەتچىلىكىڭلارغا مەلۇم دەرىجىدە قايغۇ ئېلىپ كەلدى دېسەم، بۇ كۆپتۈرگەنلىك بولمايدۇ. كۆپىنچىڭلار ئۇ كىشىنى يەتكۈچە جازالىغانىدىڭلار. ئەمدى ئۇنى كەچۈرۈڭلار ۋە ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىڭلار. بولمىسا، ئۇ ھەددىدىن زىيادە قايغۇرۇپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭغا مۇھەببىتىڭلارنى كۆرسىتىشىڭلارنى سورايمەن. ئالدىنقى خېتىمنى يېزىشىمدىكى سەۋەب سىلەرنىڭ ھەرقانداق ئىشتا مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلايدىغان-ئاڭلىمايدىغانلىقىڭلارنى سىناش ئۈچۈن ئىدى. سىلەر ئۇ كىشىنى كەچۈرسەڭلار، مەنمۇ ئۇنى كەچۈرىمەن. مەن كىمنى كەچۈرسەم، بۇنى ئەيسا مەسىھ ئالدىدا سىلەر ئۈچۈن قىلدىم. بۇنىڭدىكى مەقسەت، شەيتان تەرىپىدىن ئازدۇرۇلۇپ كەتمەسلىكىمىز ئۈچۈندۇر. چۈنكى، بىز شەيتاننىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىنى ياخشى بىلىمىز. ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش مەقسىتىدە تروئاس شەھىرىگە بارغىنىمدا رەببىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا پۇرسەت بېرىلگەن بولسىمۇ، سىلەرنىڭ خەۋىرىڭلارنى ئېلىپ كەلمەكچى بولغان قېرىندىشىم تىتۇس ئۇ يەرگە تېخى كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، كۆڭلۈم تەشۋىشكە چۈشۈپ، ئۇ يەردىكىلەر بىلەن خوشلىشىپلا ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە ئۇنى ئىزدەپ كەتتىم. خۇداغا شۈكۈر! خۇدا ھەمىشە بىزنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ زەپەر قوشۇنىدا بولۇشقا مۇيەسسەر قىلىپ، بىز ئارقىلىق خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش بىلەن ئۇنى تونۇشنىڭ خۇش پۇرىقىنى ھەممە يەردە چاچماقتا. مانا بىز قۇتقۇزۇلىدىغانلارغىمۇ، ھالاك بولىدىغانلارغىمۇ چېچىلىدىغان، ئەيسا مەسىھنىڭ خۇداغا ئاتىغان خۇش پۇرىقىدۇرمىز. بۇ خۇش پۇراق ھالاك بولىدىغانلار ئۈچۈن ئۆلۈم پۇرىقى بولسا، قۇتقۇزۇلىدىغانلار ئۈچۈن ھاياتلىق پۇرىقىدۇر. بۇنداق زور ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن كىم چىقالايدۇ؟ ئەلۋەتتە، خۇدانىڭ سۆزىنى پايدا كۆزلەپ بۇرمىلايدىغانلار ھەرگىز بۇنداق ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ. بىز بولساق، ئۇنداق ئادەملەردىن ئەمەسمىز. بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلار ھەم خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلەر بولغاچقا، خۇدا ئالدىدا خۇدانىڭ سۆزىنى سەمىمىي يەتكۈزۈۋاتقانلاردۇرمىز. بۇنداق دېيىش بىلەن يەنە ئۆزىمىزنى كۆرسىتىشكە باشلىدۇقمۇ؟ ياكى بەزىلەردەك، سىلەرگە تونۇشتۇرۇش خېتى ئېلىپ بېرىشىمىز ياكى سىلەردىن تونۇشتۇرۇش خېتى ئېلىشىمىز كېرەكمۇ؟ سىلەر ئۆزۈڭلار بىزنىڭ تونۇشتۇرۇش خېتىمىزدۇرسىلەر. چۈنكى، ئەمەلىيىتىڭلاردىن ھەممە كىشى بىزنى ھەم بىزنىڭ ئاراڭلاردا قىلغان ياخشى خىزمىتىمىزنى تونۇۋالالايدۇ. دېمەك، بۇ خەت قەغەزگە ئەمەس، بەلكى قەلبگە يېزىلغاندۇر. ئېنىقكى، سىلەر خىزمىتىمىزنىڭ مېۋىسى. سىلەر سىياھ بىلەن ئەمەس، مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ روھى بىلەن؛ تاش تاختىلارغا ئەمەس، ئىنسانلارنىڭ قەلبىگە يېزىلغان، ئەيسا مەسىھ تەييارلىغان خەتتۇرسىلەر. يۇقىرىدا ئېيتقانلىرىمىزغا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا ئالدىدا جەزم قىلالايمىز. بىز ھەممە ئىشنى ئۆز ئىقتىدارىمىز بىلەن قىلالايمىز، دېمەكچى ئەمەسمەن. چۈنكى، بىزنىڭ ئىقتىدارىمىز خۇدادىن كەلگەندۇر. ئۇ بىزنى يېڭى ئەھدىنىڭ خىزمەتكارلىرى قىلىش ئۈچۈن ئىقتىدارلىق قىلدى. بۇ ئەھدە يېزىق بىلەن خاتىرىلەنگەن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھقا ئاساسلانغان. چۈنكى، يېزىق بىلەن خاتىرىلەنگەن تەۋرات قانۇنىغا ھېچكىم تولۇق رىئايە قىلالمىغاچقا، ئۇ ئىنسانلارغا مەڭگۈلۈك ئۆلۈم ئېلىپ كېلىدۇ. مۇقەددەس روھ بولسا گۇناھىغا توۋا قىلغانلارغا مەڭگۈلۈك ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ. تاش ئۈستىگە ھەرپلەر بىلەن ئويۇلغان تەۋرات قانۇنى ئىنسانلارغا مەڭگۈلۈك ئۆلۈم ئېلىپ كەلسىمۇ، بۇ قانۇن مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق خۇدانىڭ پارلاق نۇرى ئىچىدە چۈشۈرۈلگەندە، مۇسا پەيغەمبەرنىڭ چىرايى شۇنداق پارلىغانىدىكى، گەرچە نۇر ئاستا-ئاستا يوقالغان بولسىمۇ، ئىسرائىل خەلقى ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ تۇرالمىغانىدى. بۇ قانۇننىڭ چۈشۈرۈلۈشى شۇنداق ئۇلۇغ بولغان يەردە، مۇقەددەس روھنىڭ ئېلىپ كېلىدىغىنى تېخىمۇ ئۇلۇغ بولمامدۇ!؟ يەنى ئىنسانغا جازا ئېلىپ كېلىدىغان تەۋرات قانۇنى ئۇلۇغ بولغان يەردە، ئىنساننى ھەققانىي قىلىدىغان يېڭى ئەھدە تېخىمۇ ئۇلۇغ بولمامدۇ!؟ ئەمەلىيەتتە، بۇرۇنقى ئۇلۇغلۇقنى ھازىرقى تېخىمۇ شانلىق ئۇلۇغلۇق بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھېچقانچە ئەمەستۇر. ۋاقىتلىق يۈرگۈزۈلگىنى ئۇلۇغ بولغان يەردە، مەڭگۈ يۈرگۈزۈلىدىغىنى تېخىمۇ ئۇلۇغ بولمامدۇ!؟ بىزدە شۇنداق بىر ئۈمىد بولغاچقا، يۈرەكلىك ھالدا خوش خەۋەرنى يەتكۈزۈۋاتىمىز. بىز يۈزىدىكى نۇرنىڭ ئاستا-ئاستا ئۆچۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئىسرائىللارنىڭ كۆرۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن يۈزىگە چۈمپەردە تارتىۋالغان مۇسا پەيغەمبەرگە ئوخشىمايمىز. ئۇ ۋاقىتتا، ئىسرائىللارنىڭ ئەقلى بىخۇدلىشىپ كەتكەنىدى. ئۇلار تاكى بۈگۈنگىچە كونا ئەھدە، يەنى تەۋراتنى ئوقۇغىنىدا، ئەقلى گويا شۇ چۈمپەردە بىلەن يېپىۋېلىنغاندەك تۇرماقتا. چۈنكى، بۇ چۈمپەردە پەقەت ئەيسا مەسىھ ئارقىلىقلا ئېلىۋېتىلىدۇ. شۇنداق، بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۇلار مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋراتنى ئوقۇغاندا، شۇ چۈمپەردە يەنىلا ئۇلارنىڭ قەلبىنى يېپىۋالماقتا. بىراق، ئۇلار قاچان رەبكە يۈزلەنسە، ئۇ چۈمپەردە شۇ چاغدا ئېلىپ تاشلىنىدۇ. بۇ يەردىكى «رەب» دېگەنلىك مۇقەددەس روھتۇر. كىمنىڭ قەلبىدە رەبنىڭ روھى بولسا، ئۇنىڭدا ھۆرلۈك بولىدۇ. بىزلەردىكى چۈمپەردىلەر ئېلىۋېتىلگەچكە، رەببىمىزنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇنىڭ بىلەن، بىز رەببىمىزگە ئوخشاش بولۇشقا ئۆزگەرتىلىپ، بارا-بارا ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى تېخىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈۋاتىمىز. بۇ رەببىمىزدىن، يەنى مۇقەددەس روھتىندۇر. خۇدا رەھىم-شەپقىتى بىلەن بۇ خىزمەتنى بىزگە بەرگەنىكەن، جاسارىتىمىزنى يوقاتمايمىز. ئۇياتلىق، خۇپىيانە ئىشلارنى قىلىشتىن يىراق تۇرۇپ، ھىيلە-مىكىرلىك قىلمايمىز، خۇدانىڭ سۆزىنى بۇرمىلىمايمىز. ئەكسىچە، ھەقىقەتنى ئۆز پېتى ئېيتىمىز. بۇنىڭ بىلەن، بىز ئۆزىمىزنى خۇدا ئالدىدا ھەممە كىشىگە بىلدۈرىمىز، ئۇلارمۇ ئۆز قەلبىدە بىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى بىلىدۇ. بىز يەتكۈزۈۋاتقان خۇش خەۋەرنىڭ مەنىسى يوشۇرۇن دېيىلسە، ئۇ ھالاك بولىدىغانلار ئۈچۈنلا يوشۇرۇندۇر. چۈنكى، بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمرانى بولغان شەيتان خۇدانىڭ ئوبرازى بولغان ئەيسا مەسىھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى بىلدۈرىدىغان خۇش خەۋەرنىڭ نۇرى ئېتىقادسىزلارنىڭ دىلىنى يورۇتمىسۇن دەپ، ئۇلارنىڭ ئەقلىنى ئىشلىمەس قىلىپ قويدى. بىز قەيەرگە بارساق، ئۆزىمىزنى ئەمەس، بەلكى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنى جاكارلايمىز. ئۆزىمىزگە كەلسەك، بىز پەقەت ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن سىلەرنىڭ خىزمەتكارىڭلارمىز. چۈنكى، دۇنيانى ياراتقاندا «نۇر قاراڭغۇلۇقتىن چاقنىسۇن» دەپ ئەمر قىلغان خۇدا بىزنىڭ ئۆزىنىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئايان قىلغان ئۇلۇغلۇقىنى تونۇپ يېتىشىمىز ئۈچۈن، خۇش خەۋەرنىڭ نۇرى بىلەن قەلبىمىزنى يورۇتتى. خۇدانىڭ بىزگە ئاتا قىلغىنى خۇش خەۋەرنىڭ نۇرىدىن ئىبارەت بولغان بىباھا خەزىنىدۇر. بىز گويا بۇ خەزىنە قاچىلانغان ساپال ئىدىش. مانا بۇنىڭدىن كىشىلەر بىزدىكى ئۇلۇغ قۇدرەتنىڭ ئۆزىمىزدىن ئەمەس، بەلكى خۇدادىن كەلگەنلىكىنى بىلەلەيدۇ. مانا بىز ھەر تەرەپتىن قىيىن ئەھۋالدا قالدۇق، ئەمما يەكسان بولمىدۇق. تەمتىرەپ قالدۇق، ئەمما ئۈمىدسىزلەنمىدۇق. قوغلىنىۋاتىمىز، ھالبۇكى خۇدا تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلمىدۇق. يىقىتىلدۇقيۇ، ئەمما يوقىتىلمىدۇق. ئەيسا مەسىھكە ئوخشاش ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە، ھەتتا ئۆلۈم خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىمىز، لېكىن ئەيسا مەسىھ دائىم بىزگە كۈچ-قۇدرەت بېرىپ تۇرۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، كىشىلەر ۋۇجۇدىمىزدىن ئۇنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايدۇ. شۇنداق، ئەيسا مەسىھكە ئەگەشكەنلىكىمىز سەۋەبىدىن ھەمىشە ئۆلۈمگە دۇچار قىلىنماقتىمىز. كىشىلەر بۇنىڭدىن ئەيسا مەسىھنىڭ ھاياتىنى بىزدە كۆرۈۋالالايدۇ. دېمەك، بىز ھەمىشە ئۆلۈمگە دۇچار بولۇۋاتىمىز؛ سىلەر بولساڭلار بۇنىڭ بىلەن ھاياتلىققا ئېرىشىۋاتىسىلەر. بىز يەنىلا خۇش خەۋەرنى تارقىتىۋاتىمىز، چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغان «ئېتىقاد قىلدىم، شۇ ۋەجىدىن سۆزلىدىم» دېگۈچىدە بار بولغان ئېتىقاد بىزدىمۇ باردۇر. چۈنكى، رەببىمىز ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇدانىڭ بىزنىمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى ۋە سىلەر بىلەن بىللە ئۆز ھۇزۇرىغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلىمىز. بىز تارتىۋاتقان مۈشكۈلچىلىكلەرنىڭ ھەممىسى سىلەر ئۈچۈندۇر. بۇ ئارقىلىق خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە يەتكۈزۈلىدۇ. شۇنداق بولغاندا، ئۇلارنىڭ تەشەككۈرلىرى خۇداغا ئېيتىلىپ، خۇدا تېخىمۇ ئۇلۇغلىنىدۇ. شۇڭا، جاسارىتىمىزنى يوقاتمايمىز. تېنىمىز بارغانسېرى خاراب بولسىمۇ، روھىمىز كۈندىن-كۈنگە يېڭىلانماقتا. بىز ئۇچراۋاتقان بۇ ۋاقىتلىق ۋە ئەرزىمەس ئازاب-ئوقۇبەتلەر بىزگە تەڭداشسىز ۋە مەڭگۈلۈك شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا، كۆزىمىز كۆرۈنىدىغاندا ئەمەس، بەلكى كۆرۈنمەيدىغاندىدۇر. چۈنكى، كۆرۈنىدىغىنى ئۆتكۈنچىدۇر، كۆرۈنمەيدىغىنى بولسا مەڭگۈلۈكتۇر. بىزگە مەلۇمكى، بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيادىكى چېدىر ئۆرۈلۈپ چۈشكەندە، يەنى تېنىمىزدىن ئايرىلغاندا، ئادەم قولى بىلەن ياسالغان ئەمەس، بەلكى ئەرشتە خۇدا بىزگە ھازىرلاپ قويغان بىر تۇرالغۇغا، يەنى مەڭگۈ مەۋجۇت بولىدىغان بىر تەنگە ئىگە بولىمىز. بىز ھازىرقى تېنىمىزدە ياشاۋاتقانلىقىمىزدىن ھەسرەت چېكىپ، ئەرشتىكى تېنىمىزنىڭ ئۇنىڭ ئورنىنى ئېلىشىغا ئىنتىزار بولماقتىمىز. چۈنكى، شۇندىلا روھىمىز تەنسىز قالمايدۇ. ھازىرقى تېنىمىزدە ياشاۋاتقان بىزلەر ئېغىر يۈكلەر ئاستىدا ھەسرەت چەكمەكتىمىز. چۈنكى، بىز ھازىرقى تېنىمىزدىن قۇتۇلۇپ، ئۆلۈشكە ئەمەس، بەلكى چىرىمەس تەنگە ئىگە بولۇپ، مەڭگۈلۈك ھاياتنىڭ ئۆتكۈنچى ھاياتىمىزنىڭ ئورنىنى ئېلىشىغا ئىنتىزار بولماقتىمىز. بىزنى بىز ئىنتىزار بولغان ھاياتلىققا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تەييارلىغۇچى، شۇنداقلا بۇنىڭ كاپالىتى سۈپىتىدە بىزگە مۇقەددەس روھنى ئاتا قىلغۇچى دەل خۇدانىڭ ئۆزىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھازىرقى تەندە ياشىغىنىمىزدا، رەببىمىزنىڭ ماكانىدا بولالمايدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز. ۋەھالەنكى، خۇدانىڭ بىزگە يېڭى تەن بېرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتكە ئىشەنچىمىز كامىل. چۈنكى، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغانغا ئەمەس، ئېتىقادقا تايىنىپ ياشايمىز. ئىشەنچكە ئىگە ئىكەنمىز، ھازىرقى تېنىمىزدىن ۋاز كېچىپ، رەببىمىزنىڭ ماكانىدا بولۇشقا رازىمىز. قىسقىسى، مەيلى بۇ تەندە ياشايلى ياكى بۇ تەندىن ۋاز كېچەيلى، نىشانىمىز يەنىلا رەببىمىزنى خۇرسەن قىلىشتۇر. چۈنكى، ھەربىرىمىز ھازىرقى تېنىمىزدە ياشىغان ۋاقتىمىزدىكى ياخشى-يامان ئەمەلىيىتىمىزگە يارىشا چوقۇم قۇتقۇزغۇچى- مەسىھنىڭ سوراق تەختى ئالدىدا ھېساب بېرىپ جاۋابقا ئېرىشىمىز. رەببىمىزدىن ئەيمىنىشنى بىلگەنىكەنمىز، ئىنسانلارنى بۇ ھەقتە قايىل قىلىشقا تىرىشىمىز. بىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمىز خۇداغا ئايان. ۋىجدانىڭلارنىڭمۇ بىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى تونۇپ يېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بەزىلىرىڭلار ئېيتقاندەك، ئۆزىمىزنى يەنە ماختىماقچى ئەمەسمىز. بەلكى سىلەرگە بىزدىن ماختىنىش پۇرسىتىنى بەرمەكچىمىز. بۇنىڭ بىلەن، ئاتاقتا خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان، تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال ئاشۇ ماختانچاق كىشىلەرگە جاۋاب بېرەلەيسىلەر. بەزىلەرگە نىسبەتەن بىز ئېلىشىپ قالغاندەك كۆرۈنگەن بولساق، كېرەك يوق. چۈنكى، خۇدا بىزنىڭ ھەرقانداق ئىشنى ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلىدۇ. سىلەرگە نىسبەتەن بىزنىڭ ئەقلىمىز جايىدا، چۈنكى سىلەرنىڭ مەنپەئىتىڭلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىمىزنى بىلىسىلەر. بىزنى شۇنداق قىلىشقا قىستاۋاتقىنى ئەيسا مەسىھنىڭ مۇھەببىتىدۇر. بىز ئەيسا مەسىھنىڭ ھەممىمىز ئۈچۈن ئۆلگەنلىكىگە ئىشەنگەنىكەنمىز، ئۆزىمىزنىڭ بۇرۇن ياشاپ كەلگەن ھاياتىمىزغا نىسبەتەن ئۆلگەنلىكىمىزگىمۇ ئىشىنىمىز. ئەيسا مەسىھ پۈتكۈل ئىنسانلار ئۈچۈن ئۆلدى. مەقسەت، ئۇ ئاتا قىلغان يېڭى ھاياتقا ئېرىشكەنلەرنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى دەپ ئۆلگەن ۋە ئۆلۈمدىن تىرىلگەن ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن ياشىسۇن، دېگەنلىكتىن ئىبارەت. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز بۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىمگە بۇ دۇنيانىڭ كۆزقارىشى بىلەن قارىمايمىز. گەرچە بىز بۇرۇن مۇشۇ كۆزقاراش بىلەن ئەيسا مەسىھنى پەقەتلا بىزگە ئوخشاش بىر ئىنسان دەپ قارىغان بولساقمۇ، ئەمدى ئۇنداق دەپ قارىمايمىز. بىر كىشى ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولىدىكەن، ئۇ يېڭىدىن يارالغان ئادەمدۇر. ئۇنىڭ كونا ھاياتى ئاخىرلىشىپ، يېڭىسى باشلانغان بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى خۇدادىندۇر. خۇدا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىزنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى، شۇنداقلا بىزگە كىشىلەرنى ئۆزى بىلەن يارىشىشقا چاقىرىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇردى. دېمەك، خۇدا ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىدىن ھېساب ئالماي، ئۇلارنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى، شۇنداقلا ئۆزى بىلەن ياراشتۇرۇلۇش ھەققىدىكى بۇ خۇش خەۋەرنى بىزگە ئامانەت قىلدى. شۇڭا، بىز ئەيسا مەسىھنىڭ ۋەكىللىرى ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن سىلەرنى شۇنىڭغا ئۈندەيمىزكى، خۇدا بىلەن يارىشىڭلار. بەجايىكى، بۇ خۇدانىڭ بىز ئارقىلىق سىلەرنى مۇراجىئەت قىلغىنىدۇر. خۇدا بىزنىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىمىز ئۈچۈن، گۇناھسىز مەسىھنى گۇناھىمىزنىڭ قۇربانى قىلدى. بىز خۇدا بىلەن بىللە خىزمەت قىلغۇچى سۈپىتىدە خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنىڭ سىلەردە بىكارغا كەتمەسلىكىنى ئۆتۈنىمىز. چۈنكى، خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، ساڭا قۇلاق سالىمەن، قۇتقۇزۇلۇش كۈنىدە ساڭا شاپائەت قىلىمەن.» سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، خۇدانىڭ «ۋاقىت-سائىتى» دېگىنى ھازىردۇر، خۇدانىڭ قۇتقۇزۇش كۈنى بۈگۈندۇر. باشقىلارنىڭ ئېتىقادىغا توسالغۇ بولىدىغان ئىشلارنى قىلىپ، ئەلچىلىك خىزمىتىمىزگە داغ كەلتۈرمەيۋاتمىز. بەلكى ھەممە ئىشتا خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىپ، ھەر خىل مۈشكۈللۈك، ئاۋارىچىلىك ۋە جاپا-مۇشەققەتلەرگە بەرداشلىق بېرىۋاتىمىز. تاياق يېدۇق، زىنداندا ياتتۇق، توپىلاڭچىلارنىڭ پاراكەندىچىلىكلىرىگە دۇچ كەلدۇق، ھالىمىزدىن كەتكۈدەك ئىشلىدۇق، ئۇيقۇسىز قالدۇق ۋە ئاچارچىلىقلارغا ئۇچرىدۇق. پاكلىقىمىز، ئەقىل-پاراسىتىمىز، سەۋر-تاقىتىمىز، مېھرىبانلىقىمىز، سەمىمىي مۇھەببىتىمىز ۋە مۇقەددەس روھتىن كەلگەن كۈچ بىلەن ئۆزىمىزنىڭ خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسەتتۇق. خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى يەتكۈزدۇق، خۇدانىڭ قۇدرىتىنىڭ بىز بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدۇق. ھەققانىيلىقنى ئۆزىمىزگە قورال قىلىپ، تۈرلۈك ھۇجۇملارغا زەربە بېرىش بىلەن بىرگە ئۆزىمىزنىمۇ قوغدىدۇق. ھۆرمەتكىمۇ سازاۋەر بولدۇق، ھاقارەتلەرگىمۇ ئۇچرىدۇق. ئەيىبكىمۇ بۇيرۇلدۇق، ماختاشقىمۇ مۇيەسسەر بولدۇق. كىشىلەر بىزنى ئالدامچىمۇ دېدى، بىراق بىز دۇرۇس كىشىلەرمىز. تونۇلمىغان ئەرزىمەس كىشىلەردەك قارالساقمۇ، لېكىن ھەممىگە تونۇشمىز. ئۆلۈم گىردابىدا بولساقمۇ، لېكىن يەنىلا ھاياتمىز. تاياق يېگەن بولساقمۇ، ئۆلتۈرۈلمىدۇق. قايغۇ-ئەلەمدە بولساقمۇ، ھەمىشە شاد-خۇراممىز. نامرات بولساقمۇ، نۇرغۇن كىشىلەرنى روھىي جەھەتتە باي قىلىۋاتىمىز. ھېچ نەرسىمىز يوق بولسىمۇ، ھەممىگە ئىگىمىز. ئەي كورىنتلىقلار، سىلەرگە ئوچۇق-ئاشكارا سۆزلىدۇق، سىلەرگە باغرىمىزنى كەڭ ئاچتۇق. سىلەردىن مۇھەببىتىمىزنى ئايىمىدۇق، لېكىن سىلەر بىزدىن مۇھەببىتىڭلارنى ئايىدىڭلار. مەن سىلەرگە ئۆز پەرزەنتلىرىمگە ئېيتقاندەك ئېيتايكى، كەڭ قورساق بولۇپ، بىزگە خۇددى بىز سىلەرگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىڭلار. ئېتىقادسىزلار بىلەن بىر بويۇنتۇرۇققا كىرمەڭلار. چۈنكى، ھەققانىيلىق بىلەن ھەققانىيسىزلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا قانداقمۇ ئورتاقلىق بولسۇن!؟ يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق قانداقمۇ چىقىشالىسۇن!؟ مەسىھ بىلەن شەيتان قانداقمۇ كېلىشەلىسۇن!؟ ئېتىقادچىلار بىلەن ئېتىقادسىزلارنىڭ نېمە ئورتاقلىقى بولسۇن!؟ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى بىلەن بۇتلار ئارىسىدا قانداقمۇ بىرلىك بولسۇن!؟ بىز مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى. خۇددى خۇدانىڭ ئېيتقىنىدەك: «خەلقىم ئىچىدە تۇرىمەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يۈرىمەن. ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇلارمۇ مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ.» شۇنىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئېتىقادسىزلاردىن ئايرىلىپ نېرى تۇرۇڭلار. ناپاك ئىشلارغا يېقىن يولىماڭلار، شۇندا، مەن سىلەرنى قوبۇل قىلىمەن.» «ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار يەنە: ˜سىلەرگە ئاتا بولىمەن. سىلەرمۇ مېنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىم بولىسىلەر.Œ دەيدۇ.» قەدىرلىك قېرىنداشلار، بۇ ۋەدىلەرگە ئېرىشكەنىكەنمىز، تەننى ۋە روھنى بۇلغايدىغان ھەرقانداق نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇپ ئۆزىمىزنى پاك تۇتايلى. خۇدادىن ئەيمەنگەن ھالدا ئۆزىمىزنى پۈتۈنلەي خۇداغا ئاتايلى. قەلبىڭلاردىن بىزگە ئورۇن بېرىڭلار. بىز ھېچكىمگە ناھەقلىق قىلمىدۇق، ھېچكىمنى ئېتىقاد يولىدىن ئازدۇرمىدۇق، ھېچقاچان ئۆزىمىزنىڭ مەنپەئىتىگە چوغ تارتمىدۇق. مەن بۇ سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق سىلەرنى تەنقىدلىمەكچى ئەمەسمەن. بۇرۇن ئېيتقىنىمدەك، قەلبىمىزدىن شۇنداق ئورۇن ئالدىڭلاركى، بىز سىلەر بىلەن ھايات-ماماتتا بىرگە بولىمىز. سىلەرگە ئىشەنچىم كامىل ھەم سىلەردىن پەخىرلىنىمەن. ئېغىر مۈشكۈلچىلىكلەردە قالغاندا، سىلەر ئارقىلىق تەسەللى تېپىپ، چەكسىز خۇشاللىققا چۆمگەنىدىم. ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە بارغاندىن كېيىن، كۆڭلىمىز ئەمىن تاپماي، خىلمۇخىل قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدۇق. سىرتتا جېدەل-ماجىرا، ئىچىمىزدە قورقۇنچ بولدى. لېكىن روھى چۈشكەنلەرگە تەسەللى بېرىدىغان خۇدا تىتۇسنى يېنىمىزغا ئەۋەتىش ئارقىلىق بىزگە تەسەللى بەردى. بىز پەقەت ئۇنىڭ كېلىشى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ سىلەردىن ئالغان تەسەللىسى بىلەنمۇ تەسەللى تاپتۇق. ئۇ سىلەرنىڭ ماڭا بولغان سېغىنىشىڭلارنى، ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكىڭلارغا قىلغان پۇشايمىنىڭلارنى ۋە ماڭا بولغان قىزغىنلىقىڭلارنى بىزگە ئېيتقاندا، خۇشاللىقىم تېخىمۇ ئاشتى. ئىلگىرىكى خېتىمنىڭ سىلەرگە بىر مەزگىل قايغۇ ئېلىپ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقىنىمدا، پۇشايمان قىلغان بولساممۇ، لېكىن ھازىر پۇشايمان قىلمايمەن. ھازىر خۇشالمەن. سىلەرنى قايغۇغا سالغانلىقىمغا ئەمەس، بۇ قايغۇنىڭ سىلەرنى توۋا قىلىشقا ئېلىپ بارغانلىقىغا خۇشالمەن. چۈنكى، سىلەرنىڭ بۇنداق قايغۇغا چۆكۈشۈڭلار خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە بولدى. شۇڭا ئېيتالايمەنكى، بىز سىلەرنى قايغۇغا سالغان بولساقمۇ، ئۇنىڭدىن ھېچقانداق زىيان تارتمىدىڭلار. چۈنكى، خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن چەككەن قايغۇ كىشىنى توۋا قىلدۇرۇپ، ئۇنى قۇتقۇزۇلۇشقا ئېلىپ بارىدۇ. بۇ خىل توۋا قىلىش كىشىنى پۇشايمان قىلدۇرمايدۇ. لېكىن، بۇ دۇنيانىڭ ھەلەكچىلىكى ئۈچۈن بولغان قايغۇ بولسا كىشىنى توۋا قىلدۇرۇشقا ئەمەس، بەلكى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ. خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن چەككەن ئەنە شۇ قايغۇلارنىڭ سىلەردە قانداق ياخشى مېۋىلەرنى بەرگەنلىكىنى ئويلاڭلار: ئەستايىدىللىق بىلەن خاتالىقىڭلارنى تۈزىتىپ، ئۆزۈڭلارنى ئاقلىدىڭلار، ئاراڭلاردىكى گۇناھكارنىڭ قىلمىشىدىن غەزەپلەندىڭلار ھەمدە بۇ قىلمىشنىڭ داۋاملىشىشى بىلەن خۇدانىڭ جازاسىنىڭ سىلەرگە كېلىشىدىن قورقتۇڭلار، مەن بىلەن كۆرۈشۈشكە ئىنتىزار بولدۇڭلار، مېنىڭ ئەلچىلىك ھوقۇقۇمنى ھۆرمەتلەپ، ماڭا قىزغىن بولدۇڭلار، گۇناھكارنى جازالاش ئارقىلىق ئادالەتپەرۋەرلىكىڭلارنى كۆرسەتتىڭلار. مانا بۇلار ئارقىلىق سىلەرنىڭ بۇ ئىشتا توغرا قىلغانلىقىڭلار ئېنىق بولدى. ئۆتكەن قېتىملىق خەتنى يېزىشىمدىكى ئاساسلىق مەقسەت، كىمنىڭ ئازار بەرگەنلىكى ۋە كىمنىڭ ئازار يېگەنلىكىنى بېكىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سىلەرنىڭ خۇدا ئالدىدا بىز ئۈچۈن نەقەدەر قىزغىن ئىكەنلىكىڭلارنى ئۆزۈڭلارغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىدى. بىز سىلەرنىڭ شۇ قىزغىنلىقىڭلاردىن تەسەللى تاپتۇق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تىتۇسنىڭ خۇشاللىقىنى كۆرۈپ، خۇشاللىقىمىز تېخىمۇ ئاشتى. چۈنكى، سىلەرنىڭ سەۋەبىڭلاردىن ئۇنىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ ئىدى. سىلەرنى ئۇنىڭغا ماختاپ بەرگەنىدىم، سىلەرمۇ مېنى يەرگە قارىتىپ قويمىدىڭلار. خۇددى سىلەرگە ئۆگەتكەنلىرىمنىڭ ھەممىسى راست بولغىنىدەك، سىلەرنى تىتۇسقا ماختاپ ئېيتقانلىرىمنىڭمۇ راست ئىكەنلىكى ئەمەلىيىتىڭلار ئارقىلىق ئىسپاتلىنىپ چىقتى. شۇڭا، تىتۇس ھەممىڭلارنىڭ ئۇنىڭغا قانداق ئىتائەتمەن بولغانلىقىڭلارنى، ئۇنى شۇنچە چوڭ كۆرۈپ، ھۆرمەت بىلەن كۈتۈۋالغانلىقىڭلارنى ئەسلىگىنىدە، ئۇنىڭ سىلەرگە بولغان مۇھەببىتى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشماقتا. سىلەرگە ھەر جەھەتتىن ئىشەنچ قىلالىغانلىقىم ئۈچۈن خۇشالمەن. قېرىنداشلار، سىلەرگە خۇدانىڭ ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرىدە كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتى توغرىسىدا ئېيتماقچىمىز. ئۇلار بېشىدىن ئۆتكۈزگەن مۈشكۈل كۈلپەتلەر ئارقىلىق قاتتىق سىنالدى. شۇنداقتىمۇ، ئۇلارنىڭ خۇشاللىقى تولۇپ تېشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىنتايىن كەمبەغەللىكىگە قارىماي، قولى ئوچۇقلۇق ۋە مەردلىك قىلدى. ئۇلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن كۈچىنىڭ يېتىشىچە، ھەتتا ئۆزىگە قالمىسىمۇ ئىئانە قىلغانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىمەن. ئۇلار يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئېتىقادچىلارغا قىلىنىدىغان ياردەمگە ئۆزلىرىنىڭمۇ ھەسسە قوشۇشىنى بىزدىن ئۆتۈنۈپ سوراشتى. بۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئۇلاردىن كۈتكىنىمىزدىن كۆپ ئېشىپ كەتتى. ئۇلار ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنى رەببىمىزگە ئاتىدى، ئاندىن خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە بىزگە ئاتىدى. تىتۇس خېلى بۇرۇن سىلەرنىڭ بۇ مەردلەرچە ئىئانە قىلىشنى باشلىشىڭلارغا ياردەم قىلغانىكەن، ئۇنىڭدىن بۇ ئىشنىڭ ئاخىرىنى چىقىرىشىڭلارغا ياردەم بېرىشنى ئۆتۈندۇق. سىلەر ھەممە ئىشتا - ئېتىقاد يولىدا، سۆز قابىلىيىتىدە، خۇدا ھەققىدىكى بىلىم ۋە باشقىلارغا ياردەم بېرىشكە بولغان قىزغىنلىقتا ۋە بىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببەتتە ئالدىدا تۇرغاندەك، بۇ قېتىملىق ئىئانە قىلىشتىمۇ ئالدىدا تۇرۇڭلار. بۇ سۆزلىرىمنى سىلەرگە بۇيرۇق تەرىقىسىدە ئېيتقىنىم يوق. مەن مېھىر-مۇھەببىتىڭلارنىڭ سەمىمىيلىكىنى ماكېدونىيىدىكى جامائەتچىلىكلەرنىڭ ئىئانە توپلاش جەريانىدا كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق سىناپ كۆرمەكچىمەن. رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نەقەدەر مېھىر-شەپقەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر. گەرچە ئۇ باي بولسىمۇ، سىلەر ئۈچۈن نامرات بولدى. مەقسەت، ئۆزى نامرات بولۇش ئارقىلىق سىلەرنى روھىي جەھەتتىن باي قىلىش ئىدى. مەن سىلەرگە پايدىلىق بولغان بىر تەكلىپنى بېرەي. سىلەر ئۆتكەن يىلى پەقەت ئىئانە بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپلا قالماي، بەلكى ئۇنى ئىختىيار بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىمۇ ھەممىنىڭ ئالدىدا بولدۇڭلار. ئەمدى بۇ خىزمەتنىڭ ئايىغىنى چىقىرىڭلار. سىلەر بۇ ئىشنى دەسلەپتە پىلانلىغان ۋاقتىڭلاردىكىدەك قىزغىنلىق بىلەن تاماملاڭلار ھەمدە ئۆزۈڭلارنىڭ ئىقتىسادى يار بەرگەن شارائىت ئاستىدا ياردەم قولۇڭلارنى سۇنۇڭلار. بىر كىشى رازىمەنلىك بىلەن چامىسىنىڭ يېتىشىچە بەرسە، بۇ ئىش خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ. خۇدا ھەرگىزمۇ بىركىمدىن ئۆزىدە يوقىنىمۇ بېرىشنى تەلەپ قىلمايدۇ. باشقىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ئۆزۈڭلارنى قىيناڭلار، دېگىنىم يوق. ئەكسىچە، ئىككىلا تەرەپتە باراۋەرلىك بولسۇن دەيمەن. سىلەردە ئارتۇق بولغىنى ھازىرچە ئۇلارنىڭ كەم يېرىنى تولدۇرغىنىدەك، ئۇلاردا ئارتۇق بولغىنى كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىلەرنىڭ كەم يېرىڭلارنى تولدۇرىدۇ. مانا شۇنداق بولغاندا، باراۋەرلىك بولغان بولىدۇ. خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «كۆپرەك يىغىۋالغانلارنىڭ ئېشىپ قالمىدى، ئاز يىغىۋالغانلارنىڭمۇ كېمىپ قالمىدى.» مېنىڭ سىلەرگە بولغان قىزغىنلىقىمدەك قىزغىنلىقنى تىتۇسنىڭ قەلبىگە سالغان خۇداغا شۈكۈرلەر بولغاي! تىتۇسنىڭ يېنىڭلارغا بارماقچى بولغىنى پەقەت بىزنىڭ تەلىپىمىز بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئۆز ئىختىيارى ۋە سىلەرگە بولغان قىزغىنلىقى بىلەن بولدى. بىز بىر قېرىندىشىمىزنى ئۇنىڭغا قوشۇپ قويماقچىمىز. ئۇ قېرىندىشىمىز خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش يولىدا پۈتۈن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان. يەنە كېلىپ، ئۇ توپلانغان ئىئانىلارنى يېرۇسالېمغا ئاپىرىش سەپىرىدە بىز بىلەن ھەمسەپەر بولۇش ئۈچۈن، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەنىدى. بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئىئانە توپلاش ئارقىلىق رەببىمىزنى ئۇلۇغلاش ۋە ياردەمگە تەييار ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىشتۇر. باشقىلارنىڭ قۇسۇر تېپىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مەردلەرچە بېرىلگەن بۇ ئىئانىلارنى باشقۇرۇشتا ئېھتىيات قىلىپ، ئۇ قېرىندىشىمىزنى بىللە ئېلىپ بېرىشنى لايىق تاپتۇق. يامان ئاتاققا قالماسلىق ئۈچۈن، پەقەت رەببىمىزنىڭ نەزىرىدە ئەمەس، ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدىمۇ توغرا دەپ قارالغان ئىشلارنى قىلىشقا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمىز. بىز كۆپ قېتىم ۋە كۆپ ئىشلاردا سىناش ئارقىلىق باشقىلارغا ياردەم بېرىشتە قىزغىن دەپ قارىغان يەنە بىر قېرىندىشىمىزنىمۇ ئۇلار بىلەن بىللە ئەۋەتمەكچىمىز. ئۇ سىلەرنىڭ بۇ ئىئانە ئىشىنى بىر باشقا ئېلىپ چىقالايدىغانلىقىڭلارغا ئىشەندى. بۇ ئىشەنچ ئۇنىڭ سىلەرگە ياردەم بېرىشتىكى قىزغىنلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. تىتۇسقا كەلسەك، ئۇ مېنىڭ ھەمراھىم ۋە ئاراڭلاردا قىلىۋاتقان ئىشلىرىمدا خىزمەتدىشىمدۇر. باشقا ئىككى قېرىندىشىمىز بولسا جامائەتچىلىكلەرنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ، ئۇلار ئەيسا مەسىھكە شان-شەرەپ كەلتۈرگۈچىلەردىندۇر. شۇڭا، سىلەر ھەرقايسى جامائەتچىلىكلەر ئالدىدا ئۇلارغا مۇھەببىتىڭلارنى كۆرسىتىڭلار. شۇنىڭ بىلەن، جامائەتچىلىكلەر بىزنىڭ سىلەردىن ماختىنىشىمىزنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى بىلسۇن. ئېتىقادچىلار ئۈچۈن توپلىنىدىغان بۇ ئىئانە توغرۇلۇق سىلەرگە خەت يېزىۋېرىشىمنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى، ياردەم بېرىشتە قىزغىن ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىمەن. مەن ماكېدونىيىدىكى ئېتىقادچىلار ئالدىدا يۇنان ئۆلكىسىدىكى سىلەرنىڭ ئۆتكەن يىلدىن بېرى، ئىئانە بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىڭلاردىن ماختىنىپ كەلدىم. دەل سىلەرنىڭ بۇ قىزغىنلىقىڭلار ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنى ئىئانە توپلاش ئۈچۈن قوزغاتتى. بۇ ئىشتا سىلەر بىلەن ماختىنىشىمنىڭ قۇرۇق گەپ بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، سىلەرنى مېنىڭ ئېيتقىنىم بويىچە تەييارلىق قىلىپ تۇرسۇن دەپ، بۇ ئۈچ قېرىنداشنى يېنىڭلارغا ئەۋەتمەكچىمەن. ناۋادا ماكېدونىيىدىكى بەزى قېرىنداشلار مەن بىلەن بىللە بېرىپ، سىلەرنىڭ تەييارلىق قىلمىغانلىقىڭلارنى كۆرسە، سىلەر بىر ياقتا قېلىپ، سىلەرگە بولغان كۈچلۈك ئىشەنچىم ۋەجىدىن مەن خىجالەت بولۇپ قېلىشىم تۇرغان گەپ. شۇ سەۋەبتىن، سىلەرنىڭ بېرىشكە ۋەدە قىلغان مەردلەرچە ئىئانەڭلارنى ئالدىنئالا تەييار قىلىشىڭلار ئۈچۈن، بۇ قېرىنداشلارنىڭ يېنىڭلارغا بىزدىن ئاۋۋال بېرىشىنى زۆرۈر تاپتىم. شۇنداق بولغاندا، ئىئانەڭلارنىڭ تەييارلانغانلىقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمەس، بەلكى رازىمەنلىك بىلەن قىلىنغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، ئاز تېرىغان ئاز ئالىدۇ، كۆپ تېرىغان كۆپ ئالىدۇ. ھەركىم قىينىلىپ تۇرۇپ ياكى مەجبۇرىي ھالدا ئەمەس، ئۆز كۆڭلىدە نىيەت قىلغىنى بويىچە بەرسۇن. چۈنكى، خۇدا خۇشاللىق بىلەن بەرگۈچىنى ياخشى كۆرىدۇ. خۇدا سىلەرنىڭ ئېھتىياجىڭلارنى قاندۇرۇشقا قادىردۇر. شۇنداق بولغاچقا، ھەر دائىم، ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئېھتىياجىڭلار قاندۇرۇلۇپ، باشقىلارغا خەير-ساخاۋەتلىك بولالايسىلەر. مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «ئۇ يوقسۇللارغا مەردلەرچە سەدىقە بېرەر ئۇنىڭ خەير-ساخاۋەتلىكى مەڭگۈ ئۇنتۇلماس.» دېھقانغا تېرىغىلى ئۇرۇق، يېگىلى ئوزۇق ئاتا قىلغان خۇدا سىلەرنىڭ ھاجەتمەنلەرگە تېخىمۇ مەردلىك بىلەن بېرەلىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردە بارنى كۆپەيتىدۇ. سىلەرنىڭ ھەمىشە مەردلىك بىلەن باشقىلارغا ياردەم قىلىشىڭلار ئۈچۈن، خۇدا سىلەرنى ھەرقايسى جەھەتلەردىن بەرىكەتلىك قىلىدۇ. بىز سىلەرنىڭ ئىئانەڭلارنى ئېھتىياجلىق بولغانلارغا بەرگىنىمىزدە، ئۇلار خۇداغا تەشەككۈرلەر ئېيتىدۇ. سىلەر قىلغان بۇ ياردەم يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي، ئۇلارنىڭ خۇداغا بولغان شۈكۈرلىرىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ. سىلەرنىڭ بۇ قېتىمقى ئىئانەڭلار ئېتىقادىڭلارنىڭ ھەقىقىي ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتىدۇر. كىشىلەر سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلار ئېتىراپ قىلغان ئەيسا مەسىھ ھەققىدىكى خۇش خەۋەرگە سادىق بولغانلىقىڭلار، شۇنداقلا مال-مۈلكۈڭلارنى ئۆزلىرى ۋە كۆپچىلىك بىلەن مەردلەرچە ئورتاقلاشقانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇدانى ئۇلۇغلايدۇ. ئۇلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان پەۋقۇلئاددە مېھىر-شەپقەت سەۋەبىدىن سىلەرگە ئىشتىياق باغلاپ، سىلەرگە دۇئا قىلماقتا. تىل بىلەن تەسۋىرلىگىلى بولمايدىغان ئىلتىپاتى، يەنى ئۆز ئوغلىنى ئاتا قىلغىنى ئۈچۈن، خۇداغا شۈكۈرلەر بولغاي! سىلەر بىلەن بىللە بولغاندا مۇئامىلىسى يۇمشاق، لېكىن بىللە بولمىغاندا سىلەرگە قارىتا قاتتىق قول دەپ قارالغان مەنكى پاۋلۇس ئەيسا مەسىھتەك مۇلايىملىق ۋە رەھىمدىللىك بىلەن سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنۈپ تەلەپ قىلىمەنكى، يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، بىزنى بۇ دۇنيانىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرى بويىچە ياشايدىغانلار دەپ قارايدىغان بەزى كىشىلەرگە قىلماقچى بولغان قاتتىق مۇئامىلىنى سىلەرگىمۇ قىلىشىمىزغا مەجبۇر قىلماڭلار. بۇ دۇنيادا ياشىساقمۇ، بۇ دۇنيانىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرى بويىچە ياشايدىغانلاردەك جەڭ قىلمايمىز. چۈنكى، جەڭ قوراللىرىمىز بۇ دۇنياغا خاس قوراللار ئەمەس، بەلكى شەيتاننىڭ مۇستەھكەم قەلئەلىرىنى گۇمران قىلىدىغان، خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە ئىگە بولغان قوراللاردۇر. بىز بۇ قوراللار بىلەن بىمەنە سەپسەتىلەرنى ۋە خۇدانى تونۇشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەر خىل كۆرەڭ كۆزقاراشلارنى بىتچىت قىلىمىز ھەمدە كىشىلەرنىڭ ئۆز ئوي-پىكىرلىرىنى ئەيسا مەسىھكە بېقىندۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنى قايىل قىلىمىز. سىلەر ئەيسا مەسىھكە تولۇق ئىتائەت قىلغاندىن كېيىن، ئاراڭلاردىكى ھەر خىل ئىتائەتسىزلىكتە تۇرۇۋالغۇچىلارنى جازالاشقا تەييارمىز. سىلەر پەقەت سىرتقى كۆرۈنۈشكىلا قارايدىكەنسىلەر. ئەگەر بىرى ئۆزىنى ئەيسا مەسىھكە ۋەكىللىك قىلىمەن دەپ قاراپ، مېنى ئىنكار قىلغان بولسا، يەنە ياخشىراق ئويلىنىپ، مېنىڭمۇ ئەيسا مەسىھكە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىمنى ئېتىراپ قىلسۇن. رەببىمىز تەرىپىدىن ماڭا بېرىلگەن ئەلچىلىك ھوقۇقى سىلەرنى نابۇت قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى روھىي جەھەتتە يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن بېرىلگەن. شۇڭا، بۇ ھوقۇق بىلەن زىيادە ماختانساممۇ، ھەرگىز خ جالەت بولمايمەن. سىلەر خەتلىرىمنى بىزنى قورقۇتۇش ئۈچۈن يازدى، دەپ ئويلاپ قالماڭلار. دەرۋەقە بەزىلەر، «پاۋلۇسنىڭ خەتلىرى ھەم قاتتىق ھەم كۈچلۈك، بىراق ئۆزىنى كۆرسىڭىز ئىقتىدارسىز، سۆزلىرى تۇتۇرۇقسىز» دېيىشىدۇ. بۇ كىشىلەر شۇنى بىلسۇنكى، يىراقتىن سىلەرگە يازغان خەتلىرىمدە نېمە قىلىمەن دېگەن بولسام، يېنىڭلارغا بارغاندىمۇ شۇنى قىلىمەن. ئۆزىنى قالتىس چاغلايدىغان كىشىلەر بىلەن ئۆزىمىزنى بىر قاتاردا قويۇشقا ۋە ئۇلار بىلەن سېلىشتۇرۇشقا قانداقمۇ جۈرئەت قىلايلى؟ ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئۆلچەيدۇ، ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى بىلەن سېلىشتۇرىدۇ. مانا بۇ ئۇلارنىڭ ئەقىلسىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن، بىز ئۆزىمىزدە بار بولمىغان ھوقۇقلار بىلەن ماختىنىپ يۈرگىنىمىز يوق. ماختانساقمۇ، خۇدانىڭ پىلانى دائىرىسىدە خىزمەت قىلىش بىلەن ماختىنىمىز. بۇ پىلان خۇش خەۋەرنى سىلەرگىمۇ يەتكۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئەگەر بىز خۇش خەۋەرنى سىلەرگە تۇنجى يەتكۈزگەنلەردىن بولمىساقىدۇق، ئۇنداقتا شۇ ھوقۇقلىرىمىزدىن ماختىنىشىمىز بىزنىڭ ئۆز دائىرىمىزنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتكەنلىكىمىز دەپ ھېسابلانسا بولاتتى. لېكىن، ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يىراقتىكى سىلەرگە دەسلەپ يەتكۈزگەن بىز بولدۇق. قىسقىسى، ئۆز خىزمەت دائىرىمىزدىن چىقىپ، باشقىلارنىڭ خىزمىتى بىلەن ماختانغىنىمىز يوق. بىز پەقەت ئېتىقادىڭلارنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ، ئاراڭلاردا قىلغان خىزمىتىمىزنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇنداق بولغاندا، بىز سىلەردىنمۇ يىراق بولغان، تېخى خوش خەۋەر يەتكۈزۈلمىگەن جايلارغا بېرىپ، خوش خەۋەر يەتكۈزەلەيمىز. تەييارغا ھەييار بولۇپ، باشقىلارنىڭ ئۆز خىزمەت دائىرىسىدە قىلغان ئەجرى بىلەن ماختىنىش بىزگە ياتتۇر. مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك، «ماختىنىدىغانلار رەببىمىز بىلەن ماختانسۇن.» چۈنكى، ئۆز-ئۆزىنى ماختايدىغان ئەمەس، بەلكى رەببىمىزنىڭ ماختىشىغا مۇيەسسەر بولغان كىشى ھەقىقىي ماختاشقا ئەرزىيدۇ. ماختىنىشىم بىلەن بىرئاز ئەخمەقلىق قىلىپ قويساممۇ، ئېغىر ئالمىغايسىلەر! يەنىلا سەۋرچان بولغايسىلەر. مەن سىلەرنى ساختا ئەلچىلەردىن قىزغىنىمەن. بۇ، خۇداغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمدىن كەلگەن. مەن گويا بىر پاك قىزنى ياتلىق قىلغاندەك، سىلەرنى «يېگانە ئەر»~گە - ئەيسا مەسىھكە تەقدىم قىلدىم. بىراق، ھاۋا~ئانىنىڭ ھىيلىگەر يىلان تەرىپىدىن ئازدۇرۇلغىنىدەك، سىلەرنىڭمۇ ساختا ئەلچىلەر تەرىپىدىن ئازدۇرۇلۇپ، ئەيسا مەسىھكە بولغان سەمىمىي ۋە پاك قەلبىڭلارنىڭ بۇلغىنىشىدىن ئەنسىرەيمەن. چۈنكى، سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بېرىپ، ئەيسا مەسىھ توغرىسىدا مەن يەتكۈزگەنگە ئوخشىمايدىغان باشقا بىر تەلىمنى يەتكۈزگەنلەرگە ئوچۇقتىن-ئوچۇق يول قويدۇڭلار. سىلەر قوبۇل قىلغان مۇقەددەس روھتىن باشقا بىر روھ ۋە سىلەر قوبۇل قىلغان خۇش خەۋەردىن باشقا بىر خوش خەۋەر توغرىسىدا ئېيتىلغانلارنىمۇ سىغدۇردۇڭلار. ھالبۇكى، مەن ئۆزۈمنى ھېچقانداق ئىشتا سىلەر دەرىجىدىن تاشقىرى دەپ قارىغان ئاشۇ ئەلچىلەردىن تۆۋەن دەپ قارىمايمەن! گەپ قىلىشتا ماھىر بولمىساممۇ، لېكىن بىلىمىم بار. قىلىۋاتقان ھەربىر خىزمىتىم بۇنى ھەر جەھەتتىن ئوچۇق ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. مېنىڭ سىلەرنى چوڭ كۆرۈپ، ئۆزۈمنى تۆۋەن تۇتۇپ، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە ھەق تەلەپ قىلماي يەتكۈزگىنىم گۇناھ بولدىمۇ؟ مەن سىلەرگە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن، باشقا جامائەتچىلىكلەردىن ھەق ئېلىپ، ئۇلارغا «ئۇۋال» قىلدىم. سىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقىتلىرىمدا، ئېھتىياجىم بولسىمۇ، ھېچقايسىڭلارغا ئېغىرىمنى سالمىدىم. چۈنكى، ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىن كەلگەن قېرىنداشلار كەم-كۈتىمنى تولۇقلاپ بەردى. ھېچقانداق ئىشتا سىلەرگە يۈك بولماي كەلدىم، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يۈك بولمايمەن. قەلبىمدىكى ئەيسا مەسىھنىڭ ھەقىقىتى بىلەن ئېيتىمەنكى، مېنىڭ بۇ ماختىنىشىمنى پۈتۈن يۇناندا ھەرقانداق ئادەم توسۇپ قالالمايدۇ. نېمە ئۈچۈن سىلەردىن ھەق ئالمىدىم؟ سىلەرنى سۆيمەيدىغانلىقىمدىنمۇ؟ خۇداغا ئايانكى، سىلەرنى سۆيىمەن! ئاتالمىش ئەلچىلەرنىڭ «بىزنىڭ قىلىۋاتقىنىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقىنىدا ھېچقانداق پەرق يوق» دەپ ماختىنىشىغا پۇرسەت تاپالماسلىقى ئۈچۈن، سىلەردىن ھەق ئالماي قىلىۋاتقان خالىس ئىشلىرىمنى داۋاملاشتۇرىمەن. چۈنكى، بۇنداقلار ساختا ئەلچىلەر، ھىيلىگەرلەر بولۇپ، ئۆزلىرىنى ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىسى، دەپ پەردازلىۋالغانلاردۇر. ئەمەلىيەتتە، بۇ ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس، چۈنكى شەيتان ئۆزىنى يورۇقلۇق پەرىشتىسى، دەپ پەردازلىۋالغاندۇر. شۇڭا، ئۇنىڭ بۇ چاكارلىرىمۇ ئۆزلىرىنى ئادىللىقنىڭ خىزمەتكارلىرى دەپ پەردازلىۋالسا، ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە لايىق بولىدۇ. يەنە شۇنى ئېيتىمەنكى، ھېچقايسىڭلار مېنى ئەخمەق، دەپ قالماڭلار. ئەگەر ئەخمەق دەپ قارىساڭلار، بىر ئەخمەقنى قوبۇل قىلغانچىلىك بولسىمۇ مېنى قوبۇل قىلىڭلار. شۇنىڭ بىلەن، مەنمۇ بىرئاز ماختىنىۋالاي. بۇ سۆزلىرىم رەببىمىز مەندىن تەلەپ قىلغان سۆزلەر ئەمەس. مېنىڭ بۇنداق ماختىنىشىم پەقەتلا بىر ئەخمەقنىڭ يۈرەكلىك پو ئاتقانلىقىدۇر، خالاس. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ دۇنيادىكى ئىشلىرى بىلەن ماختىنىپ كېتىدىكەن، مەنمۇ ماختىنىپ باقاي. چۈنكى، سىلەر ئۆزۈڭلارنى شۇنچە ئەقىللىق چاغلايسىلەريۇ، بۇ ساختا ئەلچىلەرنىڭ ئەخمىقانە تەلىملىرىگە يول قويۇۋېرىسىلەر! ئۇلارنىڭ سىلەرنى قۇل ئورنىدا كۆرۈشىگە، ھەققىڭلارنى يېيىشىگە، سىلەردىن نەپ ئېلىشىغا، سىلەرگە چوڭچىلىق قىلىشىغا ۋە سىلەرنىڭ يۈزۈڭلارنى چۈشۈرۈشىگە يول قويىسىلەر. بىزنىڭ سىلەرگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىشقا ئاجىز كەلگەنلىكىمىزنى خىجىللىق ئىچىدە ئېتىراپ قىلىمەن. لېكىن، ئۇلاردىن بىرلىرى بىرەر ئىشتىن ماختىنىشقا جۈرئەت قىلغان يەردە (يەنە ئەخمەقلەرچە ئېيتاي)، مەنمۇ شۇ ئىشتىن ماختىنىشقا جۈرئەت قىلالايمەن. ئۇلار سېپى ئۆزىدىن ئىبرانىيمۇ؟ مەنمۇ شۇنداق. ئۇلار ئىسرائىللارمۇ؟ مەنمۇ ئىسرائىل. ئۇلار ئەجدادىمىز ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادىدىنمۇ؟ مەنمۇ ئۇنىڭ ئەۋلادىدىن. ئۇلار ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارلىرىمۇ؟ ئەقىلدىن ئازغانلاردەك ئېيتسام، مەن ئۇلاردىن تېخىمۇ يۇقىرى تۇرىدىغان بىر خىزمەتكارى. مەن تېخىمۇ جاپالىق ئىشلىدىم، زىنداندا تېخىمۇ كۆپ ياتتىم. كۈرمىڭ قېتىم قامچا يېدىم، قايتا-قايتا ئۆلۈم خەۋپلىرىگە دۇچ كەلدىم. يەھۇدىيلارنىڭ ئوتتۇز توققۇز قامچا جازاسىغا بەش قېتىم تارتىلدىم. ئۈچ قېتىم رىم ھۆكۈمرانلىرىدىن تاياق يېدىم، بىر قېتىم چالما-كېسەك قىلىندىم، ئۈچ قېتىم كېمە ھادىسىسىگە ئۇچرىدىم، بىر كېچە-كۈندۈزنى دېڭىزدا ئۆتكۈزدۈم. كۆپ قېتىم ئۇزۇن سەپەرلەردە بولۇپ، دەريالاردا ھەم قاراقچىلارنىڭ، ئۆز خەلقىمنىڭ، يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىدا خېيىم-خەتەرلەرگە يولۇقتۇم. شەھەرلەردە، چۆللەردە، دېڭىزلاردا ۋە ساختا قېرىنداشلارنىڭ ئارىسىدا خەۋپلىك كۈنلەرنى باشتىن كەچۈردۈم. خىزمىتىمنى تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىشلىدىم. تالاي كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزدۈم، ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقنىڭ دەردىنى تېتىدىم. يەيدىغانغا تاماق، كىيىدىغانغا كىيىم تاپالماي، ئاچ-يالىڭاچ قالدىم. بۇلاردىن باشقا، ھەر كۈنى دېگۈدەك پۈتۈن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرىنىڭ غېمىنى يېدىم. مەن قاچان ئاجىزلارغا ھېسداشلىق قىلمىدىم؟! شەيتاننىڭ تۇزىقىغا چۈشۈپ، ئېزىپ كەتكەنلەر ئۈچۈن ئىچىم قاچان ئۆرتەلمىدى؟! ئەگەر ماختىنىشىمغا توغرا كەلسە، ئۆز ئاجىزلىقىمنى كۆرسىتىدىغان ئىشلار بىلەن ماختىنىمەن. رەببىمىز ئەيسانىڭ ئاتىسى، مەڭگۈ مەدھىيىلەشكە ئەرزىيدىغان خۇداغا ئايانكى، يالغان ئېيتمىدىم. دەمەشق شەھىرىدە پادىشاھ ئارېتاسنىڭ قول ئاستىدىكى بىر ۋالىي مېنى تۇتۇش ئۈچۈن، پۈتۈن شەھەرنى قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئالغانىدى. لېكىن، مەن سېپىلدىكى بىر كاماردىن سېۋەت بىلەن پەسكە چۈشۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇم. ماختىنىشنىڭ پايدىسى بولمىسىمۇ، ماختانمىسام بولمايدۇ. ئەمدى رەببىمىزدىن كەلگەن غايىبانە ئالامەتلەر ۋە ۋەھىيلەر ئۈستىدە توختىلاي. ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان بىر ئادەمنى تونۇيمەن. ئۇ ئون تۆت يىل ئىلگىرى ئەرشىئەلاغا كۆتۈرۈلدى. ئۇ كۆتۈرۈلگەندە، تېنى كۆتۈرۈلدىمۇ ياكى روھى كۆتۈرۈلدىمۇ بىلمەيمەن، بۇنى خۇدا ئۆزى بىلىدۇ. ئىشقىلىپ، بۇ ئادەمنىڭ جەننەتكە كىرىپ چىققانلىقىنى بىلىمەن. تېنى كۆتۈرۈلدىمۇ ياكى روھى كۆتۈرۈلدىمۇ بىلمەيمەن، بۇنى خۇدا ئۆزى بىلىدۇ. ئۇ جەننەتتە تىل بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدىغان، ئىنسانلارغا ئېيتىش مەنئى قىلىنغان ئاجايىپ ئىشلارنى ئاڭلىدى. شۇنداق بىر ئادەم بىلەن ماختىنىمەن، ئۆزۈم ھەققىدە بولسا ئاجىزلىقلىرىمنى ئېتىراپ قىلماقتىن باشقا بىرەر ئىش بىلەن ماختىنالمايمەن. ئەمەلىيەتتە، باشقا ئىشلاردىن ماختانغان بولساممۇ، ئەخمەق ھېسابلانمايتتىم؛ چۈنكى ئۇنداق قىلغىنىمدا ھەقىقەتنى سۆزلىگەن بولاتتىم. لېكىن، كىشىلەر مېنى كۆرگىنىدىن ياكى ئاڭلىغىنىدىن ئۈستۈن ئويلاپ قالمىسۇن دەپ، ماختىنىشتىن ئۆزۈمنى نېرى تۇتىمەن. خۇدادىن ماڭا كەلگەن ۋەھىيلەرنىڭ ئاجايىپ-غارايىپلىقى بىلەن كۆرەڭلەپ كەتمەسلىكىم ئۈچۈن، تېنىمگە تىكەن سانجىلغاندەك بىر ئازاب يېپىشىپ، خۇددى شەيتاننىڭ يالاقچىسىنىڭ قىيناشلىرىدەك مېنى قىينىدى. بۇ، مېنىڭ كۆرەڭلەپ كەتمەسلىكىم ئۈچۈن ئىدى. ئازابتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، رەببىمىزگە ئۈچ قېتىم يېلىنىپ دۇئا قىلدىم. لېكىن، ئۇ ماڭا: «مېھىر-شەپقىتىم ساڭا يېتەرلىك؛ مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىم ئاجىز چاغلىرىڭدا تولۇق ئىپادىلىنىدۇ» دېدى. شۇڭا، ھاياتىمدا ئەيسا مەسىھنىڭ قۇدرىتى ئىپادىلەنسۇن دەپ، ئاجىزلىقلىرىمدىن خۇرسەنلىك بىلەن ماختىنىمەن. ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن ئاجىزلىقلارنى، ھاقارەتلەرنى، ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى، زىيانكەشلىكلەرنى ۋە قىيىنچىلىقلارنى خۇشاللىق دەپ بىلىمەن. چۈنكى، قاچان ئاجىز بولسام، شۇ چاغدا ئەيسا مەسىھنىڭ قۇدرىتىگە تولۇپ، كۈچلۈك بولىمەن. ئەخمەققە ئوخشاپ قالدىم، مېنىڭ بۇنداق بولۇشۇمغا سىلەر سەۋەبچى. مەن ئەسلىدە سىلەرنىڭ ماختىشىڭلارغا ئېرىشىشىم كېرەك ئىدى. چۈنكى، ھەرقانچە بولساممۇ، سىلەر دەرىجىدىن تاشقىرى دەپ قارىغان ئاشۇ ئەلچىلەردىن ھەر تەرەپتىن قېلىشمايمەن. مەن ئاراڭلاردا بولغان چاغدا ئەلچىلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان ئىشلارنى، يەنى مۆجىزە، كارامەت ۋە قۇدرەكلىك ئىشلارنى سەۋرچانلىق بىلەن قىلدىم. باشقا ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئارىسىدا قىلغان، بىراق سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا قىلمىغان بىردىنبىر «خاتالىقىم» سىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىڭلارنى ئالمىغانلىقىمدۇر. بۇ «ئادالەتسىزلىك»~ىمنى ئەپۇ قىلغايسىلەر! ھازىر مەن يېنىڭلارغا ئۈچىنچى قېتىم بېرىشقا تەييارمەن. سىلەرگە ھېچقانداق ئېغىرىمنى سالغۇم يوق. چۈنكى، ماڭا كېرىكى سىلەرنىڭ بايلىقىڭلار ئەمەس، ئۆزۈڭلاردۇرسىلەر. پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەر ئۈچۈن مال-مۈلۈك يىغىشى كېرەك. سىلەر ئۈچۈن، مەن بارلىقىمنى سەرپ قىلىشقا، ھەتتا جېنىمنى قۇربان قىلىشقىمۇ رازىمەن. ئەجەبا، مەن سىلەرنى قانچە كۆپ سۆيسەم، سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلارغا شۇنچە ئاز ئېرىشەمدىمەن؟ بولدىلا، قىسقىسى مەن سىلەرگە يۈك بولغان ئەمەسمەن. بىراق، بەزىلەر مېنى ھىيلىگەرلىك قىلىپ، يالغان سۆزلەپ، سىلەردىن نەپ ئۈندۈرۈۋالىدۇ، دېيىشىپ يۈرىدۇ. ئەجەبا، مەن سىلەرگە ئەۋەتكەن ئادەملەرنىڭ بىرەرسى ئارقىلىق سىلەردىن نەپ ئالدىممۇ؟ تىتۇسنى سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بېرىشقا ئۈندىدىم ۋە يەنە بىر قېرىنداشنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئەۋەتتىم. تىتۇسنىڭ سىلەردىن نەپ ئېلىپ باققان يېرى بارمۇ؟ ئۇ مەن بىلەن بىر نىيەتتە، بىر يولدا خىزمەت قىلىۋاتىدىغۇ! ياكى سىلەر بىزنى «ئالدىمىزدا ئەزەلدىن بېرى ئۆزىنى ئاقلاپ كېلىۋاتىدۇ» دەپ ئويلاۋاتامسىلەر؟ بىز ئۇنداق قىلمىدۇق. بىز پەقەت ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان كىشىلەر سۈپىتىدە خۇدا ئالدىدا سۆزلەۋاتىمىز. سۆيۈملۈك قېرىنداشلار، بىز قىلىۋاتقان ھەممە ئىش سىلەرنىڭ ئېتىقادتا يېتىشىشىڭلار ئۈچۈندۇر. يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، سىلەرنىڭ كۈتكەن يېرىمدىن چىقماي قېلىشىڭلاردىن، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ سىلەرگە بولغان مۇئامىلەمنىڭمۇ سىلەرنىڭ كۈتكەن يېرىڭلاردىن چىقماي قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن. سىلەردە جېدەلخورلۇق، ھەسەتخورلۇق، غەزەپلىنىش، شەخسىيەتچىلىك، تۆھمەتخورلۇق، غەيۋەتخورلۇق، تەكەببۇرلۇق ۋە پاراكەندىچىلىكلەرنىڭ بولۇشىدىن ئەنسىرەيمەن. بۇ قېتىم سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، ئاراڭلاردىكى ناپاك، ئەخلاقسىز ۋە شەھۋانىي ئىشلارنى قىلغان، تاكى بۈگۈنگە قەدەر توۋا قىلمىغان نۇرغۇن گۇناھكارلار سەۋەبلىك خۇدانىڭ مېنى ئالدىڭلاردا خىجالەت قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيمەن. ئۇلارنىڭ خاتا يولدىن قايتمىغانلىقى ئۈچۈن، ماتەم تۇتماي تۇرالمايمەن. بۇ يېنىڭلارغا ئۈچىنچى قېتىم بېرىشىم بولىدۇ. ئەگەر ئاراڭلاردىكى بىرەرسىنى جازالاش توغرا كەلسە، مۇقەددەس يازمىلاردىكى: «ھەرقانداق ئەرزنىڭ راست-يالغانلىقى ئاز دېگەندە ئىككى ياكى ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن ئىسپاتلىنىشى كېرەك» دېگەن ئايەت بويىچە قىلىمەن. يېنىڭلارغا ئىككىنچى قېتىم بارغىنىمدا، بۇرۇن گۇناھ سادىر قىلغانلارنى ئاگاھلاندۇرغانىدىم. ھازىر يېنىڭلاردا بولمىساممۇ، يەنە ئاگاھلاندۇرماقچىمەنكى، ئەمدى بارغىنىمدا، بارلىق گۇناھ سادىر قىلغۇچىلارغا كەڭچىلىك قىلمايمەن. كەڭچىلىك قىلماسلىقىمدىكى سەۋەب، ئاراڭلاردىكى بەزىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ مەن ئارقىلىق سۆزلەۋاتقانلىقىغا ئىسپات تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىسپاتىنى بۇ قېتىم يېنىڭلارغا بېرىپ گۇناھكارلارنى بىر تەرەپ قىلغىنىمدا كۆرىسىلەر. چۈنكى، ئەيسا مەسىھ ئالدىڭلاردا ئاجىز ئەمەس، بەلكى ئىنتايىن قۇدرەتلىكتۇر. ئۇ قارىماققا ئاجىزلىق ئىچىدە كرېستكە مىخلانغان بولسىمۇ، لېكىن خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن يەنىلا ھاياتتۇر. بىزمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش قارىماققا ئاجىز بولساقمۇ، خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن ئۇنىڭغا باغلىنىپ ياشاپ، سىلەرگە خىزمەت قىلماقتىمىز. ئېتىقادىڭلارنىڭ ھەقىقىي ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ئۆز-ئۆزۈڭلارنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭلار، سىناپ بېقىڭلار. ئەيسا مەسىھنىڭ ئاراڭلاردا ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا، بۇ سىلەرنىڭ سىناقتىن ئۆتەلمىگىنىڭلار بولمامدۇ؟! مېنىڭ ئەلچىلىك سىنىقىدىن ئۆتكەنلىكىمنى بىلىپ قېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. سىلەرنىڭ ھېچقانداق يامان ئىش قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن خۇداغا دۇئا قىلىمەن. بۇ، مېنىڭ ئەلچىلىك سىنىقىدىن ئۆتتى دەپ قارىلىشىم ئۈچۈن ئەمەس. ھەتتا سىناقتىن ئۆتمىدى، دەپ قارالساممۇ، مەيلى. مۇھىمى سىلەرنىڭ توغرا ئىش قىلىشىڭلاردۇر. بىز ھەقىقەتكە زىت ئىشلارنى قىلماستىن، ھەقىقەت بويىچە ئىش قىلىشىمىز كېرەك. ئېتىقادىڭلار كۈچىيىپ، سىلەرنى ئەيىبلەشكە «ئاجىز» كۆرۈنسەم، خۇشال بولاتتىم. بىز شۇنداق دۇئا قىلىمىزكى، سىلەر ھەممە ئىشتا تولۇق يېتىلگەيسىلەر. رەببىمىز ماڭا سىلەرنى بەربات قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن بەرگەن ھوقۇق بىلەن يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، سىلەرگە قاتتىق مۇئامىلىدە بولۇپ قالماسلىقىم ئۈچۈن، يېنىڭلارغا بېرىشتىن بۇرۇن بۇ خەتنى يازدىم. ئەڭ ئاخىردا، قېرىنداشلار، خۇشال-خۇرام بولۇڭلار، ئېتىقادتا يېتىلگەن ئادەم بولۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىڭلار. نەسىھەتلىرىمنى قوبۇل قىلىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئىناق ئۆتۈڭلار. مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئامانلىق مەنبەسى بولغان خۇدا سىلەر بىلەن بىللە بولغاي! بىر-بىرىڭلار بىلەن مېھرىبانلارچە سالاملىشىڭلار. ئىنسانلار تەرىپىدىن ئەمەس، ياكى خۇدانىڭ ئىنسانلارنى ۋاسىتە قىلىشى ئارقىلىقمۇ ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھ ۋە ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇدائاتىمىز تەرىپىدىن ئەلچى بولۇشقا تاللانغان مەنكى پاۋلۇستىن ۋە مەن بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان بارلىق قېرىنداشلاردىن گالاتىيا ئۆلكىسىدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرىگە سالام. خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي! ئەيسا مەسىھ خۇدائاتىمىزنىڭ ئىرادىسى بويىچە گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلىپ، بىزنى بۇ رەزىل دۇنيادىن قۇتقۇزدى. بارلىق شان-شەرەپ خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن! ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق سىلەرگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، سىلەرنى ئۆزىگە چاقىرغان خۇدادىن شۇنچە تېز ۋاز كېچىپ، باشقىچە بىر خىل خۇش خەۋەرگە ئەگىشىپ كېتىۋاتقانلىقىڭلارغا ھەيرانمەن. ئەمەلىيەتتە، ئەگەشكىنىڭلار ھەقىقىي خۇش خەۋەر ئەمەس، بەلكى بەزى ئادەملەرنىڭ سىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ ئېيتقانلىرىدۇر. ئۇلار ئەيسا مەسىھ ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى بۇرمىلىماقچى. لېكىن، مەيلى ئارىمىزدىكى بىرەيلەن بولسۇن ياكى ئەرشتىن چۈشكەن پەرىشتە بولسۇن، بىز سىلەرگە يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرگە ئوخشىمايدىغان باشقا بىر «خۇش خەۋەر»~نى يەتكۈزسە، ئۇنىڭغا لەنەت ياغسۇن. بۇرۇن ئېيتقانلىرىمىزنى يەنە تەكرارلايمىزكى، كىمدەكىم سىلەرگە قوبۇل قىلغىنىڭلارغا ئوخشىمايدىغان باشقىچە بىر خىل خۇش خەۋەرنى يەتكۈزسە، ئۇنىڭغا لەنەت ياغسۇن! مېنىڭ بۇنداق دېيىشىم ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈنمۇ؟ ياق، مېنىڭ بۇنداق دېيىشىم خۇدانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈندۇر. ئەگەر مەن ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىشنى ئىستىگەن بولسام، ئەيسا مەسىھنىڭ سادىق خىزمەتكارى بولمىغان بولاتتىم. قېرىنداشلىرىم، مەن يەتكۈزگەن بۇ خۇش خەۋەرنىڭ كىشىلەر تەرىپىدىن توقۇپ چىقىرىلمىغانلىقىنى بىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن بۇ خۇش خەۋەرنى ئىنساندىن قوبۇل قىلغىنىم ياكى بىرەر كىشىدىن ئۆگەنگىنىم يوق. بەلكى، ئەيسا مەسىھ بۇ خۇش خەۋەرنى ماڭا ۋەھىي ئارقىلىق يەتكۈزگەن. سىلەر مېنىڭ ئىلگىرى يەھۇدىي دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ۋاقتىمدا قانداق ھايات كەچۈرگەنلىكىمنى ئاڭلىغانىدىڭلار. مەن ئۇ چاغدا خۇداغا مەنسۇپ بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە ئەشەددىي زىيانكەشلىك قىلغان ۋە ئۇلارنى يوقىتىۋېتىشكە تىرىشقانىدىم ھەمدە يەھۇدىي دىنى يولىدا نۇرغۇن تەڭتۇشلىرىمدىن خېلىلا ئالدىدا تۇراتتىم. ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىلىرىنى قوغداشتا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم ۋە قىزغىنلىقىم بىلەن ئىشلەيتتىم. لېكىن، خۇدا مېنى ئانامنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىمدىلا تاللىدى ۋە ئۆزىنىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن چاقىردى. ئۇ مېنىڭ ئۆز ئوغلى ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يەتكۈزۈشۈم ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھنى ماڭا ئاشكارىلاشنى خالىدى. خۇدا ئۇنى ماڭا ئاشكارىلىغان چاغدا، مەن بۇ ئىش توغرۇلۇق ھېچقانداق كىشىگە مەسلىھەت سالمىدىم ھەمدە يېرۇسالېمدىكى مەندىن ئىلگىرى ئەلچى بولغانلارنىڭ يېنىغىمۇ بارماي، ئۇدۇل ئەرەبىستانغا ئاتلاندىم، كېيىن دەمەشق شەھىرىگە قايتىپ كەلدىم. ئۈچ يىلدىن كېيىن، ئەلچى پېترۇس بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا باردىم ۋە ئۇنىڭ يېنىدا ئون بەش كۈن تۇردۇم. بۇ جەرياندا، ئەلچىلەردىن پەقەت پېترۇس ۋە رەببىمىز ئەيسانىڭ ئىنىسى ياقۇپ بىلەن كۆرۈشتۈم. ئەلچىلەردىن باشقا بىرەرسىنى كۆرمىدىم. خۇدا گۇۋاھ بولسۇنكى، سىلەرگە يېزىۋاتقانلىرىم يالغان ئەمەس. كېيىن، سۇرىيە ۋە كىلىكىيە ئۆلكىلىرىگە باردىم. ئۇ چاغدا يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرى شەخسەن مېنى تونۇمايتتى. ئۇلار پەقەت باشقىلارنىڭ: «بۇرۇن بىزگە زىيانكەشلىك قىلغان ئادەم ئەمدى بولسا ئۆزى يوقىتىۋەتمەكچى بولغان ئېتىقادنى تارقىتىۋاتىدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدى. شۇڭا، ئۇلار مەندە بولغان بۇ ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن خۇدانى تېخىمۇ ئۇلۇغلىدى. ئون تۆت يىلدىن كېيىن، مەن بارنابا بىلەن بىللە يەنە يېرۇسالېمغا باردىم. تىتۇسنىمۇ بىللە ئېلىۋالدىم. مەن ئۇ يەرگە خۇدادىن كەلگەن ۋەھىيگە بىنائەن بارغانىدىم. ئۇ يەردە مەن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىلىرى بىلەن ئايرىم سۆزلىشىپ، ئۆزۈم يەھۇدىي ئەمەسلەر ئارىسىدا تارقىتىپ كېلىۋاتقان خۇش خەۋەرنىڭ مەزمۇنىنىڭ ئۇلارنىڭكىگە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردۈم. بۇنداق قىلىشىم بۇرۇنقى ياكى كەلگۈسىدىكى خىزمەتلىرىمنىڭ بىكار بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئىدى. نەتىجىدە، ئۇلار ئېيتقانلىرىمدىن رازى بولدى. ھەتتا مەن بىلەن بىللە بارغان تىتۇس يەھۇدىي بولمىسىمۇ، ئۇلار ئۇنى خەتنە قىلدۇرۇشقا مەجبۇرلىمىدى. بىراق، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغۇچىلار قىياپىتىگە كىرىۋالغان بەزىلەر ئۇنىڭ خەتنە قىلدۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇلار ئارىمىزغا سۇقۇنۇپ كىرىۋېلىپ، ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئېرىشكەن ئەركىنلىكىمىزنى نازارەت قىلدى. ئۇلارنىڭ مەقسىتى بىزنى ئۆزلىرىنىڭ دىنىي قائىدە-يوسۇنلىرىغا قۇل قىلىشتۇر. لېكىن، خۇش خەۋەر ھەقىقىتىنىڭ ئاراڭلاردا ساقلىنىشى ئۈچۈن، بىز ئۇلارغا قىلچىمۇ يول قويمىدۇق. ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدە مۇھىم دەپ قارالغانلار (ئۇلارنىڭ مەرتىۋىسىنىڭ قانداق بولۇشى ماڭا مۇھىم ئەمەس، چۈنكى خۇدا ھەممە ئادەمگە تەڭ قارايدۇ) مەن يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرگە يەنە مەزمۇن قوشۇش كېرەك، دېمىدى. دەل ئەكسىچە، ئۇلار خۇدانىڭ پېترۇسقا يەھۇدىيلارغا خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغىنىدەك، ماڭىمۇ يەھۇدىي ئەمەسلەرگە بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشنى تاپشۇرغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. پېترۇسنىڭ يەھۇدىيلارغا ئەلچى بولۇشىغا كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلغان خۇدا مېنىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرگە ئەلچى بولۇشۇمغىمۇ كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلدى. جامائەتچىلىكنىڭ تۈۋرۈكى ھېسابلانغان ياقۇپ، پېترۇس ۋە يۇھاننالار بۇ ۋەزىپىنىڭ خۇدانىڭ ماڭا قىلغان ئىلتىپاتى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكىنىدە، ئۇلار مېنى ۋە بارنابانى قوبۇل قىلىپ، ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭ بىلەن، يەھۇدىي ئەمەسلەر ئارىسىدا بىز خىزمەت قىلىدىغان، يەھۇدىيلار ئارىسىدا بولسا ئۇلار خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ كېلىشتۇق. ئۇلار پەقەت بىزدىن ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدىكى كەمبەغەل ئېتىقادچىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىزنى تەلەپ قىلدى. مەنمۇ ئەسلىدە دەل شۇنداق قىلىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتاتتىم. بىراق، كېيىن پېترۇس ئانتاكيا شەھىرىگە كەلگەندە، ئۇنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقى تۈپەيلىدىن مەن ئۇنى يۈزتۇرانە ئەيىبلىدىم. ياقۇپنىڭ قېشىدىن بەزى ئادەملەر كېلىشتىن بۇرۇن، پېترۇس يەھۇدىي ئەمەس ئېتىقادچىلار بىلەن دائىم ھەمداستىخان بولۇپ تۇراتتى. لېكىن، بۇ ئادەملەر كەلگەندىن كېيىن، پېترۇس يەھۇدىي ئەمەسلەردىن ئۆزىنى تارتىپ، ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان بولمايدىغان بولدى. چۈنكى، ئۇ يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ خەتنە قىلىنىشى كېرەك، دەپ ئويلايدىغان بۇ يەھۇدىي قېرىنداشلارنىڭ ئەيىبلىشىدىن قورققانىدى. شۇنىڭ بىلەن، باشقا يەھۇدىي ئېتىقادچىلارمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش ساختىپەزلىك قىلىشتى. ھەتتا بارنابامۇ تەسىرگە ئۇچراپ، ئۇلارنىڭ ساختىپەزلىكىگە شېرىك بولدى. مەن ئۇلارنىڭ خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقىتى بويىچە ئىش قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەممەيلەننىڭ ئالدىدىلا پېترۇسقا: «سەن يەھۇدىي بولساڭمۇ، بىراق ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغاندىن بېرى يەھۇدىيلارنىڭ ئادەتلىرى بويىچە ياشىماي، بەلكى يەھۇدىي ئەمەسلەردەك ياشاپ كەلدىڭ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، يەنە نېمىشقا يەھۇدىي ئەمەس ئېتىقادچىلاردىن يەھۇدىيلارنىڭ ئادەتلىرى بويىچە ياشاشنى تەلەپ قىلىسەن؟» دېدىم. بىز ئىككىمىز تۇغۇلۇشىمىزدىنلا يەھۇدىيمىز، گۇناھكار دەپ قارالغان يەھۇدىي ئەمەسلەردىن ئەمەسمىز. لېكىن، بىز ئىنسانلارنىڭ تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىدىغانلىقىنى بىلىمىز. شۇ سەۋەبتىن، بىز يەھۇدىيلارمۇ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلدۇق. ھېچكىم تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنالمايدۇ. بىز ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭمۇ يەھۇدىي ئەمەسلەرگە ئوخشاشلا گۇناھكار ئىكەنلىكىمىزنى تونۇپ يەتتۇق. ئۇنداقتا، ئەيسا مەسىھ بىزنى گۇناھ يولىغا باشلىدى، دېسەك بولامدۇ؟ ياق، ھەرگىز بۇنداق دېگىلى بولمايدۇ! مېنى قۇتقۇزۇلۇشقا ئېرىشتۈرەلمەيدىغان تەۋرات قانۇنىدىن ئۈمىدىمنى ئۈزگەن تۇرۇقلۇق كېيىن ئۇنىڭغا قايتا ئېسىلىۋالسام، ئۇ چاغدا مەن ئۆزۈمنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىمنى ئىسپاتلىغان بولمامدىمەن؟! مەن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلالمىغانلىقىمدىن قانۇنغا نىسبەتەن ئۆلگەن دەپ ھېسابلاندىم. بۇنىڭدىن مەقسەت، خۇدا ئۈچۈن ياشاشتۇر. مەن ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە كرېستكە مىخلاندىم. ھازىر مېنىڭ تېنىمدە ياشاۋاتقان مەن ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھتۇر. مېنى سۆيگەن ۋە مەن ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغان خۇدانىڭ ئوغلىغا بولغان ئېتىقادىم بىلەن ياشايمەن. مەن خۇدانىڭ ئىنسانلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتىنى ئەھمىيەتسىز، دەپ قارايدىغانلاردىن ئەمەسمەن. ئەگەر بىر ئادەم تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنالايدىغان بولسا، ئۇ چاغدا ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستكە مىخلىنىشى ئەھمىيەتسىز بولۇپ قالاتتى. ئەي نادان گالاتىيالىقلار! سىلەر قانداقلارچە ئېزىقتۇرۇلۇپ، باشقىلارنىڭ دامىغا چۈشۈپ كەتتىڭلار؟ ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستكە مىخلانغانلىقى خۇددى كۆز ئالدىڭلاردا يۈز بەرگەندەك ئېنىق يەتكۈزۈلگەنغۇ! سىلەردىن شۇنىلا سورىماقچىمەنكى، مۇقەددەس روھ سىلەرگە تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئاتا قىلىندىمۇ؟ ياق، سىلەر خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، مۇقەددەس روھ سىلەرگە ئاتا قىلىنغان. سىلەر شۇنچە نادانمۇ؟ مۇقەددەس روھ ھاياتىڭلاردا باشلىغان ئىشنى سىلەر ئۆز كۈچ-قۇدرىتىڭلارغا تايىنىپ تاماملىماقچى بولۇۋاتامسىلەر؟ ئۇنداقتا، سىلەرنىڭ خۇش خەۋەر يولىدا تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىڭلارنىڭ ھەممىسى بىكار كېتەرمۇ؟ خۇدانىڭ سىلەرگە مۇقەددەس روھنى ئاتا قىلىشى ۋە ئاراڭلاردا مۆجىزىلەر يارىتىشى سىلەرنىڭ تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلغانلىقىڭلاردىن ئەمەس، بەلكى سىلەرنىڭ خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلىقىڭلاردىندۇر. مۇقەددەس يازمىلاردا: «ئىبراھىم خۇدانىڭ سۆزلىرىگە ئىشەندى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئېتىقادىنى كۆرۈپ، ئۇنى ھەققانىي ئادەم، دەپ ھېسابلىدى» دېيىلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، پەقەت خۇداغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارلا ئىبراھىمنىڭ ھەقىقىي ئەۋلادلىرىدۇر. مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئۆزىگە ئېتىقاد قىلىشى سەۋەبىدىن ئۇلارنى ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلايدىغانلىقى ئالدىن دېيىلگەن. خۇدا ئىبراھىمغا: «ھەممە مىللەتلەرگە سەن ئارقىلىق بەخت ئاتا قىلىمەن» دەپ، بۇ خۇش خەۋەر توغرۇلۇق ئالدىن ئېيتقان. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلار خۇداغا ئېتىقاد قىلغان ئىبراھىمغا ئوخشاش بەخت تاپىدۇ. تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىمەن، دەيدىغانلارنىڭ ھەممىسى لەنەتكە قالىدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: «تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغان ھەممە ئەمرلەرگە تولۇق ئەمەل قىلمىغان كىشى لەنەتكە قالىدۇ.» روشەنكى، ھېچكىم خۇدانىڭ ئالدىدا قانۇنغا ئەمەل قىلىش بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنالمايدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا: «ئادەم ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىپ، ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ» دەپ يېزىلغان. بۇ ئېتىقاد يولى تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش يولى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش يولى خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا: «تەۋرات قانۇنىنىڭ ئەمرلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلغانلار شۇ قانۇنغا تايىنىپ ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ.» دەپ يېزىلغىنىغا ئوخشاشتۇر. ھالبۇكى، ئەيسا مەسىھ بىزنى تەۋرات قانۇنىغا تولۇق ئەمەل قىلالمىغانلىقىمىزدىن پەيدا بولغان لەنەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىپ، ئۇ لەنەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. بۇ ھەقتە مۇقەددەس يازمىلاردا: «ياغاچقا ئېسىلغان كىشى لەنەتكە قالغان كىشىدۇر» دەپ يېزىلغان. ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستكە مىخلىنىپ قۇربان بولۇشى ئارقىلىق يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ ئىبراھىمغا ۋەدە قىلىنغان بەختتىن تەڭ بەھرىمەن بولالايدۇ. شۇنداقلا، ئۇلار بىز بىلەن بىللە خۇدا ۋەدە قىلغان مۇقەددەس روھنى ئېتىقاد بىلەن قوبۇل قىلالايدۇ. شۇنى دېمەكچىمەنكى، خۇدانىڭ ئىبراھىم بىلەن ئالدىن تۈزگەن بۇ ئەھدىسىنى تۆت يۈز ئوتتۇز يىلدىن كېيىن چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرالمايدۇ. دېمەك، تەۋرات قانۇنى خۇدانىڭ بۇ ۋەدىسىنى بىكار قىلالمايدۇ. چۈنكى، خۇدا ۋەدە قىلغان مىراسقا قانۇنغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىقلا ئېرىشكىلى بولسا، ئۇنداقتا بۇ مىراس خۇدانىڭ ۋەدىسىدىن كەلمىگەن بولاتتى. بىراق، خۇدا بۇ مىراسنى ئۆز ۋەدىسىگە بىنائەن ئىبراھىمغا ئاتا قىلغان. ئۇنداقتا، تەۋرات قانۇنىنى چۈشۈرۈشتىكى مەقسەت نېمە؟ ئۇ بولسىمۇ خۇدا ئەۋەتىشكە ۋەدە قىلغان ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى، يەنى ئەيسا مەسىھ كەلگۈچە گۇناھنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشتۇر. تەۋرات قانۇنى پەرىشتىلەر ئارقىلىق مۇسا پەيغەمبەرگە، مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن كىشىلەرگە چۈشۈرۈلگەن. ئىككى ئادەم كېلىشىم تۈزگەندە، بىر ۋاسىتىچى بولۇش كېرەك. لېكىن، خۇدا ئۆز ئەھدىسىنى ئىبراھىمغا بەرگەندە، ئۇنى ۋاسىتىچىسىز بەرگەن. ئۇنداقتا، تەۋرات قانۇنى خۇدانىڭ ۋەدىسىگە زىتمۇ؟ ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! ئەگەر بۇ قانۇن ئىنسانلارنى ھاياتلىققا ئېرىشتۈرەلەيدىغان بولسا، ئۇ چاغدا ئىنسانلار قانۇنغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم بولالايتتى. ھالبۇكى، مۇقەددەس يازمىلار پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ گۇناھنىڭ ئىلكىدە ياشايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. بۇنىڭدىكى مەقسەت، ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقاد ئارقىلىق ئېرىشىلىدىغان بۇ ۋەدىنىڭ ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلارغا بېرىلىشىدۇر. بۇ ئېتىقاد يولى ئاشكارا بولغۇچە، قانۇن بىزنى قوغداش يۈزىسىدىن قاماپ قويغانىدى. باشقىچە ئېيتقاندا، تەۋرات قانۇنى «تەربىيىلىگۈچىمىز» بولۇپ، بىزنى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشقا يېتەكلىدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت، بىزنىڭ ئېتىقاد ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىمىزدۇر. ئەمدى بىز بۇنداق «تەربىيىلىگۈچى»~نىڭ نازارىتىدە ئەمەسمىز. چۈنكى، بۇ ئېتىقاد يولى ئاشكارا بولدى. ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق ھەممىڭلار خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولدۇڭلار. چۈنكى، سىلەر چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلىپ ئەيسا مەسىھكە باغلانغىنىڭلاردا، ئۇنىڭ تەبىئىتىنى ئۆزۈڭلارغا ئۆزلەشتۈردۈڭلار. مەيلى يەھۇدىي ياكى يەھۇدىي ئەمەس بولسۇن، قۇل ياكى ھۆر بولسۇن، ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ھەممىڭلار ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇدانىڭ نەزىرىدە باراۋەر بولدۇڭلار. دېمەك، ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانىكەنسىلەر، سىلەرمۇ ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى بولىسىلەر ۋە ئىبراھىمغا ۋەدە قىلىنغان بەخت-سائادەتكە ئېرىشىسىلەر. شۇنىڭغا ئوخشاش، بىزمۇ گۆدەك ۋاقتىمىزدا، يەنى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشتىن بۇرۇن، بۇ دۇنيادىكى يامان روھىي كۈچلەرگە قۇل بولغانىدۇق. لېكىن، خۇدا ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە، ئۆز ئوغلىنى بۇ دۇنياغا ئەۋەتتى. ئۇ بىر ئايالدىن تۇغۇلغان بولۇپ، تەۋرات قانۇنىغا بويسۇنۇپ ياشىدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت، خۇدا تەۋرات قانۇنىغا قۇل بولغان بىزلەرنى بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىپ، بىزنى ئۆزىنىڭ پەرزەنتى قىلىشتۇر. سىلەر خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇدا ئۆز ئوغلىنىڭ روھىنى قەلبىڭلارغا سالدى. بۇ روھ سىلەرنى خۇدانى «ئى سۆيۈملۈك ئاتا» دەپ چاقىرتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەمدى سىلەر قۇل ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىسىلەر. خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولغانىكەنسىلەر، خۇدانىڭ ۋەدە قىلغانلىرىغا مىراسخور بولىسىلەر. بۇرۇن، خۇدانى تونۇمايدىغان ۋاقتىڭلاردا يالغان ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، ئۇلارنىڭ قۇلى بولغانىدىڭلار. ئەمدىلىكتە، ھەقىقىي خۇدانى تونۇدۇڭلار. تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، خۇدا تەرىپىدىن تونۇلدۇڭلار. شۇنداق ئىكەن، يەنە نېمە ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئاجىز، كېرەكسىز قائىدە-يوسۇنلارنىڭ قۇللۇقىغا يېڭىۋاشتىن قايتماقچى بولىسىلەر؟ سىلەر يەنىلا مەلۇم كۈن، ئاي، پەسىل ۋە يىللارنى خاتىرىلەۋاتىسىلەر. مەن ئىلگىرى سىلەرگە سىڭدۈرگەن ئەجرىمنىڭ بىكار كېتىشىدىن ئەنسىرەۋاتىمەن. قېرىنداشلار، گەرچە مەن يەھۇدىي بولساممۇ، ئەمدى تەۋرات قانۇنىنىڭ ئەسىرى بولماي، سىلەر يەھۇدىي ئەمەسلەردەك ئۇنىڭدىن مۇستەسنامەن. سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنۈپ سورايمەنكى، بۇ جەھەتتە ماڭا ئوخشاش بولۇڭلار. سىلەر ماڭا ھېچ ئازار يەتكۈزمىگەنىدىڭلار. سىلەرگە مەلۇمكى، كېسەل سەۋەبىدىن گالاتىيادا دەم ئېلىۋاتقان ۋاقتىمدا، بۇ خۇش خەۋەرنى سىلەرگە بىرىنچى قېتىم يەتكۈزگەنىدىم. ئۇ چاغدا، كېسىلىم سىلەر ئۈچۈن بىر ئاۋارىچىلىك بولسىمۇ، لېكىن سىلەر مېنى كەمسىتمىدىڭلار، رەت قىلمىدىڭلار. ئەكسىچە، مېنى خۇدا ئەۋەتكەن بىر پەرىشتىنى، ھەتتا ئەيسا مەسىھنى كۈتكەندەك كۈتۈۋالدىڭلار. ئۇ چاغدىكى خۇشاللىقىڭلار ئەمدى نەگە كەتتى؟! جەزم قىلىپ ئېيتالايمەنكى، ئۇ چاغدا سىلەر مۇمكىن بولسا، ماڭا كۆزلىرىڭلارنى ئويۇپ بېرىشكىمۇ رازى ئىدىڭلار. ئەمدىلىكتە، سىلەرگە ھەقىقەتنى سۆزلىگەنلىكىم ئۈچۈن، دۈشمىنىڭلارغا ئايلىنىپ قالدىممۇ؟ مەن ئېيتىپ ئۆتكەن ھېلىقى ئادەملەر سىلەرنى ئۆزىگە قارىتىۋېلىشقا تىرىشماقتا. ئۇلارنىڭ نىيىتى توغرا ئەمەس. ئۇلار سىلەرنى بىزدىن ئايرىۋېتىپ، ئۆزلىرىگە قارىتىۋالماقچى. مەيلى مەن سىلەر بىلەن بىللە بولاي ياكى بولماي، سىلەرگە قىزىقىۋاتقان بۇ كىشىلەرنىڭ نىيىتى توغرا بولسىلا، ياخشى بولاتتى، ئەلۋەتتە. بالىلىرىم! ئېتىقادىڭلار ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئەيسا مەسىھنىڭ تەبىئىتى سىلەردە گەۋدىلەنگۈچە، مەن سىلەر ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم خۇددى تولغاق ئازابىنى تارتىۋاتقان ئانىدەك ئازابلىنىۋاتىمەن. مېنىڭ ھازىرلا يېنىڭلارغا بېرىپ، سىلەرگە مۇلايىملىق بىلەن نەسىھەت قىلغۇم كېلىۋاتىدۇ. چۈنكى، سىلەرنىڭ بۇ ئەھۋالىڭلارنى ئاڭلاپ، قانداق قىلىشنى راستتىنلا بىلمەيۋاتىمەن! تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە ياشاشنى خالايدىغان سىلەردىن شۇنى سوراپ باقاي، سىلەر تەۋراتتا نېمە دېيىلگەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟ تەۋراتتا ئىبراھىمنىڭ ئىككى ئوغلى بارلىقى خاتىرىلەنگەن. ئۇلارنىڭ بىرى قۇل ئايال ھەجەردىن، يەنە بىرى ئۆز ئايالى سارەدىن بولغان. قۇل ئايالدىن بولغان ئوغۇل پەرزەنت قالدۇرۇش قانۇنىيىتى بويىچە، ئۆز ئايالىدىن بولغان ئوغۇل بولسا خۇدانىڭ ۋەدىسى بويىچە دۇنياغا كەلگەن. بۇ يەردە مۇنداق بىر ئوخشىتىش بار. بۇ ئىككى ئايال خۇدانىڭ ئىنسانلار بىلەن تۈزگەن ئىككى ئەھدىسىنىڭ ۋەكىلىدۇر. تەۋرات قانۇنى دەل سىناي تېغىدا چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ قانۇن يەھۇدىيلارنى ئۆزىنىڭ قۇلى قىلىدۇ. ھەجەرنىڭ ئۆزى قۇل بولۇپ، بالىلىرىمۇ قۇل بولىدۇ. شۇڭا ئۇ سىناي تېغىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئەرەبىستاندىكى سىناي تېغىغا سىمۋول قىلىنغان ھەجەرنى بۈگۈنكى يېرۇسالېمغىمۇ ئوخشىتىشقا بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ شەھەر ئۆز خەلقى بىلەن ھازىرمۇ تەۋرات قانۇنىنىڭ قۇللۇقىدا تۇرماقتا. ئىبراھىمنىڭ ئۆز ئايالى سارە بولسا ئەركىن ئايال بولغاچقا، ئەرشتىكى يېرۇسالېمغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇڭا، ئەرشتىكى يېرۇسالېمنى بىزنىڭ ئانىمىز دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: «خۇشال بول، ئەي پەرزەنت كۆرمىگەن تۇغماس ئايال! تەنتەنە قىل يۇقىرى ئاۋازىڭ بىلەن تولغاق ئازابىنى كۆرمىگەن ئايال! چۈنكى، دەسلەپتە تۇغماس بولغان ئايالنىڭ پەرزەنتلىرى باشقا ئاياللارنىڭ پەرزەنتلىرىدىنمۇ كۆپ بولدى.» قېرىنداشلار، سىلەر خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولدۇڭلار. چۈنكى، خۇددى ئىسھاق خۇدانىڭ ۋەدىسى بويىچە سارەدىن تۇغۇلغاندەك، سىلەرمۇ خۇدانىڭ ۋەدىسى بويىچە تۇغۇلدۇڭلار. ئۇ چاغدا، پەرزەنت قالدۇرۇش قانۇنىيىتى بويىچە تۇغۇلغان ئىسمائىل مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان شاپائەت بىلەن تۇغۇلغان ئىسھاققا قانداق زىيانكەشلىك قىلغان بولسا، ھازىر تەۋرات قانۇنىغا قۇل بولغانلار ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغۇچى بىزلەرگە شۇنداق زىيانكەشلىك قىلىۋاتىدۇ. لېكىن، مۇقەددەس يازمىلاردا نېمە دەپ يېزىلغان؟ ئۇنىڭدا: «سەن بۇ دېدەك ئايالىڭنى ئوغلى بىلەن قوشۇپ ھەيدىۋەت! چۈنكى دېدەك ئايالىڭنىڭ ئوغلى ھەرگىز ئەركىن ئايالىڭدىن بولغان ئوغۇل بىلەن مىراسقا ئورتاق بولۇپ قالمىسۇن» دەپ يېزىلغان. دېمەك، قېرىنداشلار، بىز قۇل ئايالنىڭ ئەمەس، بەلكى ئەركىن ئايالنىڭ پەرزەنتلىرىمىز. ئەيسا مەسىھ بىزنى ئەركىنلىكتە ياشىسۇن دەپ، ئازاد قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، قەددىڭلارنى رۇسلاڭلار، تەۋراتتىكى قائىدە-يوسۇنلار سىلەرگە يەنە بويۇنتۇرۇق بولمىسۇن. مەنكى پاۋلۇس شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئەگەر سىلەر ھەققانىيلىقنى ئىزدەپ تۇرۇپ، يەنىلا خەتنىگە تايانساڭلار، ئۇ چاغدا ئەيسا مەسىھنىڭ سىلەرگە ھېچقانداق پايدىسى قالمايدۇ. مەن خەتنىگە تايانماقچى بولغانلارنى يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرىمەنكى، ئەگەر سىلەر خەتنىنى قوبۇل قىلساڭلار، تەۋراتتىكى پۈتۈن قائىدە-يوسۇنلارغا تولۇق بويسۇنۇشۇڭلار كېرەك. سىلەر بۇلارغا بويسۇنۇشقا تايىنىپ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشقا تىرىشساڭلار، ئۇ چاغدا سىلەر ئەيسا مەسىھتىن ئايرىلىپ قالىسىلەر، شۇنداقلا خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى رەت قىلغان بولىسىلەر. لېكىن، ئېتىقاد ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان بىزلەر بولساق، مۇقەددەس روھقا تايىنىپ، خۇدانىڭ بىزگە ۋەدە قىلغان بەخت-سائادەتلىرىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتىمىز. بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خەتنە قىلىش ياكى قىلماسلىق مۇھىم ئەمەس، پەقەت مېھىر-مۇھەببەت ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن ئېتىقادلا مۇھىم، دەپ قارايمىز. سىلەر ئېتىقاد يولىدا ئالغا بېسىۋاتقانىدىڭلار، بىراق كىم سىلەرنىڭ ھەقىقەتكە ئىتائەت قىلىشىڭلارغا توسالغۇ بولدى؟ ئۇ ئەلۋەتتە سىلەرنى ئۆزىگە چاقىرغان خۇدا ئەمەس! ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، كىچىككىنە خېمىرتۇرۇچ پۈتۈن خېمىرنى بولدۇرغىنىدەك، بىر ئادەمنىڭ خاتا تەلىمىمۇ نۇرغۇن ئادەمنى ئازدۇرىدۇ. سىلەرمۇ بۇ ئىشتا ماڭا ئوخشاش ئويلايدىغان بولىسىلەر، دەپ خۇداغا بولغان ئېتىقادىم بىلەن ئىشىنىمەن. سىلەرنى قۇترىتىۋاتقان كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ چوقۇم خۇدانىڭ جازاسىنى تارتىدۇ. قېرىنداشلار، ئەگەر مەن ئۇلار ئېيتقاندەك «خەتنە قىلىنىش كېرەك» دەپ داۋاملىق تەلىم بېرىپ يۈرگەن بولسام، ئۇنداقتا مەن بۈگۈنكى كۈندە يەنە نېمە ئۈچۈن يەھۇدىيلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايمەن؟ ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسام، ئۇ چاغدا «قۇتقۇزۇلۇش پەقەت ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتىكى قۇربانلىقىدىنلا كېلىدۇ» دېمىگەن بولاتتىم ھەم ئۇلارنىڭ غەزىپىنىمۇ قوزغىمىغان بولاتتىم. سىلەرنى قۇتراتقان بۇ ئادەملەر ئۆزلىرىنى ئاختا قىلىۋەتسۇن! قېرىنداشلار، سىلەر ئەركىنلىككە چاقىرىلدىڭلار. لېكىن، بۇ ئەركىنلىكىڭلار گۇناھكار تەبىئىتىڭلارنىڭ ئارزۇلىرىنى قاندۇرۇشنىڭ باھانىسى بولۇپ قالمىسۇن. ئەكسىچە، بۇنى بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن خىزمەت قىلىشنىڭ پۇرسىتى، دەپ بىلىڭلار. چۈنكى، پۈتۈن تەۋرات قانۇنى «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» دېگەن ئەمرگە يىغىنچاقلانغان. لېكىن پەخەس بولۇڭلاركى، بىر-بىرىڭلارنى چىشلەپ تارتىپ يۈرسەڭلار، ئۆزۈڭلارنىمۇ ۋەيران قىلىسىلەر. شۇنى دېمەكچىمەنكى، مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشاڭلار. شۇ چاغدا، گۇناھكار تەبىئىتىڭلارنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە يول قويمايسىلەر. چۈنكى، ئىنساننىڭ گۇناھكار تەبىئىتى مۇقەددەس روھقا زىت بولغان ئىشلارنى ئارزۇ قىلغىنىدەك، مۇقەددەس روھمۇ ئىنساننىڭ گۇناھكار تەبىئىتىگە زىت بولغان ئىشلارنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇلار بىر-بىرىگە قارىمۇقارشىدۇر، بۇ قارىمۇقارشىلىق ئۆزۈڭلار ئارزۇ قىلغان ئىشلارنى قىلىشتا توقۇنۇش پەيدا قىلىدۇ. ۋەھالەنكى، سىلەر مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولساڭلار، ئۇ چاغدا تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە بولمايسىلەر. ئىنساننىڭ گۇناھكار تەبىئىتىگە باش ئېگىشى جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ناپاكلىق، شەھۋانىيلىق، بۇتپەرەسلىك، سېھىرگەرلىك، ئۆچمەنلىك، ئۇرۇشقاقلىق، قىزغانچۇقلۇق، غەزەپلىنىش، شەخسىيەتچىلىك، بۆلگۈنچىلىك، گۇرۇھۋازلىق، ھەسەتخورلۇق، ھاراقكەشلىك، ئەيش-ئىشرەت قاتارلىق گۇناھلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇرۇنقىدەك يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرىمەنكى، بۇ ئىشلارنى قىلغۇچىلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ئۇرۇن يوق. ۋەھالەنكى، مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشاشنىڭ بېرىدىغان مېۋىلىرى مېھىر-مۇھەببەت، خۇشال-خۇراملىق، تىنچ-ئامانلىق، سەۋر-تاقەت، مېھرىبانلىق، ياخشىلىق، سادىقلىق، مۇلايىملىق ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشلاردىن ئىبارەتتۇر. بۇلار ھېچقانداق قانۇنغا زىت ئەمەستۇر. ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلار ئۆزىنىڭ گۇناھكار تەبىئىتى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق يامان ھەۋەسلەرنى كرېستكە مىخلىغان بولىدۇ. مۇقەددەس روھ بىزنىڭ يېڭى ھاياتىمىزنىڭ مەنبەسى بولغانىكەن، ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە ماڭايلى. تەكەببۇرلۇق قىلمايلى، بىر-بىرىمىزنى رەنجىتمەيلى، بىر-بىرىمىزگە ھەسەت قىلمايلى. قېرىنداشلار، ئەگەر ئاراڭلاردا بىرىنىڭ ھازىرمۇ گۇناھ سادىر قىلىۋاتقانلىقى بايقالغان بولسا، ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلگەن سىلەر ئۇنى مۇلايىملىق بىلەن توغرا يولغا قايتۇرۇپ كېلىڭلار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزۈڭلارنىڭمۇ ئازدۇرۇلۇپ كەتمەسلىكىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار. بىر-بىرىڭلارنىڭ ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرۈڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئەيسا مەسىھنىڭ قانۇنىغا ئەمەل قىلغان بولىسىلەر. ئەگەر كىمدەكىم ئۆزىنى قالتىس چاغلاپ، باشقىلارغا ياردەم بەرمىسە، ئۆزىنى ئۆزى ئالدىغان بولىدۇ. بۇنداق ئادەم ئەمەلىيەتتە قالتىس ئەمەس. ھەركىم ئۆزىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ باقسۇن. پەخىرلىنىشكە تېگىشلىك بولسا، پەخىرلەنسۇن. ئۆزىنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرمىسۇن. ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئىشىغا ئۆزى مەسئۇل بولۇشى كېرەك. خۇدانىڭ سۆزىدىن تەلىم ئېلىۋاتقان كىشى ئۆزىگە تەلىم بەرگۈچىنى ئۆزىدە بار بولغان ياخشى نەرسىلەر بىلەن بەھرىمەن قىلسۇن. ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالدىماڭلار، ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالدىغان بىلەن، خۇدانى ئالدىيالمايسىلەر. كىم نېمە تېرىسا، شۇنى ئالىدۇ. ئۆزىنىڭ گۇناھكار تەبىئىتىنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇق چاچقان كىشى ئۇنىڭدىن ھالاكەت ھوسۇلى ئالىدۇ. مۇقەددەس روھنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇق چاچقان كىشى بولسا ئۇنىڭدىن مەڭگۈلۈك ھايات ھوسۇلى ئالىدۇ. شۇڭا، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن بوشاشمايلى. شۇنداق قىلساق، ۋاقتى كەلگەندە چوقۇم مول ھوسۇل ئالالايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن، پۇرسەت بولسىلا، باشقىلارغا، بولۇپمۇ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرەيلى. قاراڭلار! تۆۋەندىكى بۇ قۇرلارنى ئۆز قولۇمدا ئالاھىدە چوڭ خەتلەر بىلەن يېزىۋاتىمەن. يەھۇدىيلارنىڭ ماختىشىغا خۇشتار كىشىلەر سىلەرنى خەتنە قىلدۇرۇشقا زورلايدۇ. ئۇلار قۇتقۇزۇلۇش پەقەت ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتە قۇربان بولغانلىقىدىنلا كېلىدۇ دېسە، يەھۇدىيلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىمۇ تەۋرات قانۇنىغا تولۇق ئەمەل قىلمايدۇ. بىراق، ئۇلار سىلەرنىڭ خەتنىنى قوبۇل قىلغانلىقىڭلار بىلەن ماختىنىش ئۈچۈن، خەتنە قىلدۇرۇشۇڭلارنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، رەببىمىز ئەيسانىڭ كرېستتىكى ئۆلۈمىدىن باشقا ھېچقانداق ئىش بىلەن ماختانمايمەن. چۈنكى، ئۇنىڭ كرېستتىكى ئۆلۈمى سەۋەبىدىن بۇ دۇنيا مەن ئۈچۈن ئۆلگەندۇر، مەنمۇ بۇ دۇنيا ئۈچۈن ئاللىبۇرۇن ئۆلگەن. خۇدانىڭ نەزىرىدە خەتنە قىلىش ياكى قىلماسلىق مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يېڭى ئادەم بولۇشتۇر. مۇنداق كۆزقاراش بىلەن ياشايدىغانلارغا - خۇدانىڭ ھەقىقىي خەلقىگە ئامانلىق ۋە رەھىم-شەپقەت يار بولغاي! بۇنىڭدىن كېيىن، ھېچكىم يۇقىرىدا دېيىلگەن ئىشلار بىلەن مېنى ئاۋارە قىلمىسۇن! چۈنكى، بەدىنىمدە قالغان يارا ئىزلىرى مېنىڭ ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن خۇش خەۋەر تارقىتىش يولىدا تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمنىڭ ئىزناسىدۇر. قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي، ئامىن! خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىسى بولۇشقا تاللانغان مەنكى پاۋلۇستىن خۇدانىڭ ئەفەس شەھىرىدىكى مۇقەددەس خەلقى - ئەيسا مەسىھنىڭ سادىق ئەگەشكۈچىلىرىگە سالام. خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي! خۇداغا، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسىغا مەدھىيىلەر ئوقۇلغاي! بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خۇدا بىزگە ئەرشتىكى بارلىق روھىي بەختنى ئاتا قىلدى. شۇڭا، ئۇنىڭ چوڭقۇر مېھىر-شەپقىتىگە مەدھىيىلەر ئوقۇيمىز. بىز خۇدانىڭ سۆيۈملۈك ئوغلىغا مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خۇدا بۇنداق غايەت زور مېھىر-شەپقەتنى بىزگە شەرتسىز ئاتا قىلدى. ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىق قېنى گۇناھلىرىمىز بەدىلىگە تۆكۈلگەچكە، بىز گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئەركىن بولدۇق. گۇناھلىرىمىز كەچۈرۈم قىلىندى. بۇ، خۇدانىڭ بىزگە كۆرسەتكەن چوڭقۇر مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق بولدى. خۇدا بىزگە بۇ مېھىر-شەپقەتنى چەكسىز ئەقىل-ئىدراك بىلەن ياغدۇرۇپ، بۇرۇن ئاشكارىلىمىغان پىلانىنى بىزگە ئاشكارىلىدى. خۇدا خۇش رايى بىلەن بۇ پىلاننىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنى ئالدىن بېكىتتى. خۇدا بۇنى ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقتى يېتىپ كەلگەندە ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيادىكى پۈتكۈل مەۋجۇداتنى بىرلىكتە ئەيسا مەسىھنىڭ باشقۇرۇشىغا قويىدۇ. ھەممە ئىش خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بىز ئېتىقادچىلار خۇدانىڭ ئالدىن بەلگىلىگەن پىلانى بويىچە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا تەئەللۇق بولۇشقا تاللاندۇق. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئۈمىدىمىزنى ئەيسا مەسىھكە ئەڭ ئاۋۋال باغلىغان بىزلەر ئارقىلىق شانۇشەۋكەتلىك خۇداغا مەدھىيىلەر ئېلىپ كېلىشتۇر. سىلەر يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ ھەقىقەتنى، يەنى ئۆزۈڭلارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشۇڭلار توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئەيسا مەسىھكە ئىشەندىڭلار ھەم ۋەدە قىلىنغان مۇقەددەس روھ بىلەن مۆھۈرلەندىڭلار. بۇ، خۇداغا مەنسۇپ بولغانلىقىڭلارنىڭ بەلگىسىدۇر. خۇداغا تەئەللۇق بولغان بىز ھەممىمىز تاكى ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇلغۇچە، قەلبىمىزدىكى مۇقەددەس روھ خۇدا بىزگە ۋەدە قىلغان مىراسقا ئېرىشىشىمىزگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇنىڭدىن مەقسەت، شانۇشەۋكەتلىك خۇداغا مەدھىيىلەر ئېلىپ كېلىشتۇر. مەن شۇنداق دۇئا قىلىمەنكى، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇدائاتىسى، يەنى شانۇشەۋكەتلىك خۇدائاتىمىز مۇقەددەس روھ ئارقىلىق سىلەرگە دانالىق ۋە چوڭقۇر چۈشەنچە ئاتا قىلىپ، ئۆزىنى تېخىمۇ تونۇتقاي! قەلبىڭلار روشەن بولۇپ، خۇدانىڭ بىزنى قانداق ئۈمىدكە چاقىرغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ مۇقەددەس خەلقىگە ۋەدە قىلغان مىراسنىڭ قانچىلىك مول ۋە شانلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەيسىلەر. خۇدا ئەيسا مەسىھنى پەقەت بۇ دۇنيادىلا ئەمەس، بەلكى ئۇ دۇنيادىمۇ بارلىق ھۆكۈمرانلار، ھوقۇقدارلار، رەزىل كۈچلەر، مەنسەپدارلار ۋە تىلغا ئالغىلى بولىدىغانلىكى ئەمەللەرنىڭ ئۈستىگە چىقاردى. خۇدا كائىناتتىكى بارلىق مەۋجۇداتنى ئەيسا مەسىھنىڭ ئايىغى ئاستىدا تىز پۈكتۈرۈپ، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئۈچۈن ئۇنى بارلىق مەۋجۇداتقا باش قىلىپ بەردى. ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئەيسا مەسىھنىڭ تېنى بولۇپ، بۇ تەن ئۇ تەرىپىدىن تولۇقلىنىپ تۇرىدۇ. ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزى پۈتكۈل كائىناتنىڭ ھەر جەھەتتىن تولۇقلىغۇچىسىدۇر. سىلەر بۇرۇن خۇداغا ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، گۇناھ ئىچىدە ياشىغانلىقىڭلار سەۋەبىدىن روھىي جەھەتتە ئۆلۈك ئىدىڭلار. ئۇ چاغلاردا، سىلەر بۇ دۇنيانىڭ يامان يوللىرىدا ماڭغانىدىڭلار، يامان روھلارنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان ھەمدە كىشىلەرنى خۇداغا ئىتائەتسىزلىك قىلىشقا ئازدۇرىدىغان شەيتانغا بويسۇنۇپ ياشىدىڭلار. بۇرۇن ھەممىمىز ھەم شۇنداق ياشىغانىدۇق. ئۆز گۇناھكار تەبىئىتىمىزنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە بېرىلىپ، شەخسىيەتچىلىككە تولغان ئوي-خىياللىرىمىز بويىچە ياشايتتۇق. شۇڭا، بىزمۇ خۇدانىڭ جازاسىغا ئۇچراشقا لايىق ئىدۇق. لېكىن، ئىنتايىن رەھىم-شەپقەتلىك بولغان خۇدا بىزنى شۇ قەدەر سۆيگەچكە، گەرچە بىز گۇناھلىرىمىز تۈپەيلىدىن روھىي جەھەتتە ئۆلگەن بولساقمۇ، خۇدا بىزنى ئەيسا مەسىھكە باغلىغان ھالدا يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈردى. ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، سىلەر پەقەت ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق قۇتقۇزۇلدۇڭلار. بىز ئەيسا مەسىھكە باغلانغانلىقىمىز ئۈچۈن، خۇدا بىزنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە تىرىلدۈرۈپ، بىزگە ئەرشتىكى تەختتە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇرۇش ھوقۇقىنى بەردى. خۇدانىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى شۇكى، خۇدا ئۆزى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىزگە ئاتا قىلغان مېھىر-شەپقەتنىڭ تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى ئەبەدىلئەبەد كۆرسىتىشتۇر. سىلەر ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىپ، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق قۇتقۇزۇلدۇڭلار. بۇ سىلەرنىڭ ئەجرىڭلاردىن كەلگەن ئەمەس، بەلكى خۇدادىن كەلگەن ئىلتىپاتتۇر. سىلەر ھەرگىزمۇ ياخشى ئەمەللەر بىلەن قۇتقۇزۇلمىدىڭلار، شۇڭا سىلەرنىڭ ماختىنىشقا ھەققىڭلار يوق. چۈنكى، بىز ھەممىمىز خۇدانىڭ ئىجادىيىتى بولۇپ، خۇدا بۇرۇنلا تەييارلىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشىمىز ئۈچۈن ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يېڭىدىن يارىتىلدۇق. ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، تۇغۇلۇشۇڭلاردىن يەھۇدىي ئەمەس سىلەر ئۆز خەتنىسىدىن پەخىرلىنىدىغان يەھۇدىيلار تەرىپىدىن «خەتنىسىزلەر» دەپ كەمسىتىلدىڭلار. ۋەھالەنكى، ئۇلارنىڭ خەتنىسى پەقەت جىسمانىي جەھەتتىكى خەتنىدۇر. ئۇ چاغلاردا، سىلەر ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ ئەمەس ئىدىڭلار، شۇنداقلا خۇدانىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللار قاتارىدىمۇ ئەمەس ئىدىڭلار، خۇدا ئۆز خەلقىگە ۋەدە قىلغان ئەھدىنىڭ سىرتىدا تۇراتتىڭلار ھەمدە خۇدانى تونۇماي، ئۈمىدسىز ياشايتتىڭلار. سىلەر شۇ چاغلاردا خۇدادىن يىراق بولساڭلارمۇ، لېكىن ھازىر ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىق قېنى بىلەن خۇداغا يېقىنلاشتۇرۇلدۇڭلار. ئەيسا مەسىھ بىز يەھۇدىيلار بىلەن سىلەر يەھۇدىي ئەمەسلەرنى ئىناقلاشتۇرۇشنىڭ مەنبەسى. ئۇ بىزلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، بىر-بىرىمىزنى ئايرىۋەتكەن دۈشمەنلىك توسۇقنى بۇزۇپ تاشلىدى. ئەيسا مەسىھ ئۆزىنىڭ تېنىنى قۇربان قىلىش ئارقىلىق يەھۇدىي ئەمەسلەرنى چەتكە قاقىدىغان تەۋرات قانۇنى ۋە ئۇنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى كۈچىدىن قالدۇردى. بۇنىڭدىن مەقسەت، يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەرنى ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان يېڭى ئىنسان قىلىپ چىقىش ۋە ئۇلارنى ئىناقلاشتۇرۇشتۇر. ئۇ كرېستكە مىخلىنىپ قۇربان بولۇش ئارقىلىق بىر تەن قىلىپ بىرلەشتۈرۈلگەن ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى دۈشمەنلىكنى يوقىتىپ، ئۇلارنى خۇدا بىلەن ياراشتۇردى. ئەيسا مەسىھ خۇدادىن يىراق بولغان سىلەر بىلەن خۇداغا يېقىن بولغان بىز يەھۇدىيلارغا ئىناقلىق توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى ئېلىپ كەلدى. دېمەك، ئەيسا مەسىھنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ھەممەيلەن قەلبىمىزدىكى ئوخشاش بىر مۇقەددەس روھقا تايىنىپ خۇدائاتىمىزنىڭ ئالدىغا بارالايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر يەھۇدىي ئەمەسلەر ئەمدى يات ۋە ياقا يۇرتلۇقلاردىن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى بىلەن بىرگە خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ ئەھلىلىرىدىن، شۇنداقلا خۇدا ئائىلىسىنىڭ ئەزالىرىدىن بولدۇڭلار. ھەممىمىز خۇدا سېلىۋاتقان بىنا بولۇپ، ئەلچىلەر بىلەن پەيغەمبەرلەر بۇ بىنانىڭ ئاساسى، ئەيسا مەسىھ بولسا ئۇنىڭ ئۇل تېشىدۇر. ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىز رەببىمىزگە بېغىشلانغان مۇقەددەس ئىبادەتخانا بولۇش ئۈچۈن بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئۆسمەكتىمىز. ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق سىلەر يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ بىز يەھۇدىي ئېتىقادچىلار بىلەن بىرلىكتە خۇدا ئۆز روھى ئارقىلىق تۇرىدىغان ئىبادەتخانا قىلىپ سېلىنىۋاتىسىلەر. شۇڭلاشقا، مەنكى پاۋلۇس ھەر دائىم سىلەرگە دۇئا قىلماقتىمەن. مەن سىلەر يەھۇدىي ئەمەسلەرگە ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلىكىم ئۈچۈن مەھبۇس بولدۇم. سىلەر بىلىسىلەر، خۇدا ماڭا ئىلتىپات كۆرسىتىپ، بۇ خۇش خەۋەرنى سىلەرگە يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئاتا قىلدى. خۇدا بۇرۇن ئاشكارىلىمىغان پىلانىنى، يەنى ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى سىرنى ۋەھىي ئارقىلىق ماڭا ئاشكارىلىدى. مەن بۇ توغرۇلۇق مۇشۇ خېتىمنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا قىسقىچە بايان قىلدىم. سىلەر بۇ خېتىمنى ئوقۇغىنىڭلاردا، مېنىڭ بۇ سىر توغرۇلۇق نېمىلەرنى بىلگەنلىكىمنى چۈشىنىۋالالايسىلەر. ئىلگىرى خۇدا بۇ سىرنى ئىنسانلارغا ئايان قىلمىغانىدى، ئەمما ھازىر بولسا بۇ سىرنى مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئۆزى تاللىغان ئەلچىلەرگە ۋە پەيغەمبەرلەرگە ئايان قىلدى. بۇ سىر يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭمۇ بۇ خۇش خەۋەرگە ئىشىنىش ئارقىلىق يەھۇدىيلار بىلەن بىللە خۇدا ئاتا قىلىدىغان ھەقىقىي بايلىققا مىراسخور بولۇشىنى، شۇنداقلا، ئۇلارنىڭ يەھۇدىيلار بىلەن بىرلىكتە بىر تەننىڭ ئەزالىرى بولۇپ، خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بەرگەن قۇتقۇزۇلۇش توغرىسىدىكى ۋەدىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەن خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە كۈچ-قۇدرىتى بىلەن بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزىدىغان خىزمەتكار بولدۇم. مەن خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى ئىچىدىكى ئەڭ ئەرزىمەس بىرى بولساممۇ، خۇدا ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، مېنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئېرىشىدىغان ۋە ئىنسانلار تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان ھەقىقىي بايلىقنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىشكە تاللىدى. پۈتكۈل مەۋجۇداتنى ياراتقان خۇدا يەنە بۇرۇندىن تارتىپ ئاشكارىلىمىغان بۇ پىلانىنىڭ قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى بارلىق ئىنسانلارغا چۈشەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى ماڭا بەردى. خۇدانىڭ مەقسىتى، بۈگۈنكى كۈندە يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەردىن شەكىللەنگەن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئارقىلىق كۆپ تەرەپلىك دانالىقىنى ئاسماندىكى ھۆكۈمران ۋە ھوقۇقدار بولغان پەرىشتىلەرگە بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت. بۇ، خۇدانىڭ دۇنيا ئاپىرىدە بولۇشتىن ئىلگىرى پىلانلىغان ۋە ھازىر رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىرادىسىگە ئۇيغۇندۇر. بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ھەم ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلىقىمىزدىن يۈرىكىمىز توق ھالدا ئىشەنچ بىلەن خۇدانىڭ ئالدىغا بارالايمىز. شۇڭا، مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمدىن روھسىزلىنىپ كەتمەي، ئەكسىچە بۇنىڭدىن پەخىرلىنىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى خۇدا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنىڭ چەكسىزلىكىدىن سىلەرگە قۇدرەت بېرىپ، مۇقەددەس روھ ئارقىلىق سىلەرنى ئىچ-ئىچىڭلاردىن كۈچلەندۈرگەي. شۇنداق قىلىپ، ئەيسا مەسىھ ئېتىقادىڭلار ئارقىلىق ھەر دائىم قەلبىڭلاردا بولغاي، ھاياتىڭلار خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدە يىلتىز تارتىپ، مۇستەھكەملەنگەي. بارلىق شان-شەرەپ خۇداغا مەنسۇپ بولغاي! ئۇ ھاياتىمىزدا نامايان بولۇۋاتقان ئۇلۇغ كۈچ-قۇدرىتى ئارقىلىق بارلىق تىلىكىمىز ۋە ئويلىغىنىمىزدىنمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلالايدۇ. بارلىق شان-شەرەپ ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ۋە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن! شۇ سەۋەبلەردىن، رەببىمىزگە خىزمەت قىلىش يولىدا مەھبۇس بولغان مەن سىلەردىن خۇدانىڭ چاقىرىقىغا مۇناسىپ ياشىشىڭلارنى ئۆتۈنۈپ سورايمەن. سىلەر ھەمىشە كەمتەر، مۇلايىم، سەۋرچان بولۇپ، مېھىر-مۇھەببىتىڭلار بىلەن بىر-بىرىڭلارغا كەڭ قورساق بولۇڭلار. بىر-بىرىڭلار بىلەن ئىناق ئۆتۈش ئارقىلىق مۇقەددەس روھنىڭ ئېتىقادچىلارغا بەرگەن بىرلىكىنى ساقلاشقا تىرىشىڭلار. بىز ھەممىمىز بىر تەننىڭ ئەزالىرى، قەلبىمىزدىكى مۇقەددەس روھمۇ بىر. شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇدا بىزنى چاقىرغاندا، بىزگە بەرگەن ئۈمىدمۇ بىردۇر. رەببىمىز بىر، ئېتىقادىمىزمۇ بىر بولۇپ، ئوخشاش بىر چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلدۇق. ھەممىمىزنىڭ ئاتىسى بولغان خۇدا بىردۇر. ئۇ ھەممىمىزدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ھەممىمىز ئارقىلىق ئۆز ئىرادىسىنى ئىجرا قىلىدۇ، شۇنداقلا ھەممىمىزنىڭ قەلبىدىدۇر. ئەيسا مەسىھ سېخىيلىق بىلەن ھەربىرىمىزگە ئىلتىپات كۆرسىتىپ، ھەدىيىلەرنى ئاتا قىلدى. بۇ توغرۇلۇق مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇ ئەرشكە چىققاندا، نۇرغۇنلىغان ئەسىرلەرنى يېتەكلىدى. ئىنسانلارغا ھەدىيىلەرنى ئاتا قىلدى.» بۇ يەردىكى «چىققاندا» دېگەن سۆز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاۋۋال تۆۋەنگە - يەر-يۈزىگە چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. يەرگە چۈشكەنمۇ ئۇ، ئەرشكە چىققانمۇ ئۇ. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى پۈتكۈل كائىناتقا ئورنىتىشتۇر. ئەيسا مەسىھ ئۆزى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە ئىلتىپات قىلىپ، بەزىلەرنى ئەلچى، بەزىلەرنى پەيغەمبەر، بەزىلەرنى خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى، يەنە بەزىلەرنى جامائەتچىلىك مەسئۇلى ۋە تەلىم بەرگۈچى قىلدى. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىنى خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ تېنى، يەنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى مۇستەھكەملەشكە تەربىيىلەشتىن ئىبارەت. بۇ ۋەزىپە تاكى بىزنىڭ خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلىشتا بىردەك بولۇپ، ئۇنى چوڭقۇر تونۇشىمىز ھەمدە ئېتىقاد جەھەتتە ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئەيسا مەسىھكە ئوخشاش بولۇشىمىزغا قەدەر داۋاملىشىدۇ. شۇنداق بولغاندا، بىز كىشىلەرنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىگە گۆدەك بالىلاردەك ئالدىنىپ، ھەر خىل غەيرىي تەلىماتلارنىڭ شامىلى ۋە دولقۇنلىرىدىن تەۋرىنىپ كەتمەيمىز. ئەكسىچە، مېھىر-مۇھەببەت بىلەن خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى سۆزلەپ، تەننىڭ، يەنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ بېشى بولغان ئەيسا مەسىھكە ھەرقايسى جەھەتتە ئوخشاش بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىمىز. ئەيسا مەسىھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ ھەرقايسى ئەزالىرى زىچ ماسلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ جارى قىلىشقا تېگىشلىك روللىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرغاندا، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. رەببىمىزنىڭ نامى بىلەن ئاگاھلاندۇرىمەنكى، ئەمدى خۇداغا ئىشەنمەيدىغانلاردەك ئەرزىمەس ئوي-پىكىرلەر بويىچە ياشىماڭلار. ئۇلار خۇداغا تەرسالىق قىلىپ، خۇدا ھەققىدە بىلىمسىز قالدى. نەتىجىدە، قەلبى قاراڭغۇلۇقتا قېلىپ، خۇدا ئاتا قىلغان ھاياتلىقتىن مەھرۇم قالدى. ئۇلار ئار-نومۇسنى ئۇنتۇپ، شەھۋانىيلىققا بېرىلىپ، ئاچكۆزلۈك بىلەن ھەر خىل ناپاكلىقلارنى قىلىدۇ. لېكىن، بۇرۇن ئۆگەنگىنىڭلاردەك، بۇنداق ياشاش ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىملىرىگە ماس كەلمەيدۇ. سىلەر ئەيسا مەسىھ توغرىسىدا جەزمەن ئاڭلىدىڭلار ھەمدە ئۇنىڭ تەلىملىرىنىمۇ قوبۇل قىلدىڭلار. چۈنكى ھەقىقەت ئەيسا مەسىھتىدۇر. ئۇنداقتا، خۇددى كونا كىيىمىڭلارنى تاشلىۋەتكەندەك، بۇرۇنقى رەزىل تۇرمۇش ئادەتلىرىڭلارنى كونا تەبىئىتىڭلار بىلەن بىرگە تاشلىۋېتىڭلار. چۈنكى، ئۇ تەبىئەت سىلەرنى ئازدۇرىدىغان چاكىنا ھەۋەسلەر بىلەن چىرىپ كەتكەن. روھىڭلار ۋە ئوي-پىكرىڭلارمۇ يېڭىلانسۇن. يېڭى تەبىئەتنى ئۆزۈڭلارغا ئۆزلەشتۈرۈڭلار. بۇ يېڭى تەبىئەت خۇدانىڭ تەبىئىتىگە ماس بولۇپ، ئۇ ھەققانىيلىق ۋە ھەققىقىي پاكلىقتا ئىپادىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، يالغانچىلىقنى تاشلاپ، بىر-بىرىڭلارغا راست گەپ قىلىڭلار. چۈنكى، ھەممىمىز بىر تەننىڭ ئەزالىرىمىز. ئەگەر ئاچچىقلانساڭلار، ئاچچىقىڭلار سىلەرنى گۇناھقا باشلىمىسۇن. ئاچچىقىڭلاردىن قايتماي، كۈنمۇ پېتىپ كەتمىسۇن. شۇنداق قىلىپ، شەيتانغا پۇرسەت بەرمەڭلار. بۇرۇن ئوغرىلىق قىلغانلار ئەمدى ئوغرىلىق قىلمىسۇن. ئەكسىچە، ئىككى بىلىكىگە تايىنىپ ساداقەتمەنلىك بىلەن ئىشلىسۇن. تاپقىنىدىن ھاجەتمەنلەرگە ئۈلەشتۈرسۇن. ئاغزىڭلاردىن ھەرگىز يامان سۆزلەر چىقمىسۇن. ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، ئۇلارغا پايدىلىق بولسۇن دەپ، مېھىر-شەپقەتلىك سۆزلەرنى قىلىڭلار. خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنى قايغۇغا سالماڭلار. چۈنكى، مۇقەددەس روھ بولسا سىلەرنىڭ خۇداغا مەنسۇپ بولغانلىقىڭلارنىڭ مۆھرى بولۇپ، ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇلىدىغان كۈنۈڭلارنىڭ يېتىپ كېلىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. بارلىق ئاداۋەت تۇتۇش، ئاچچىقلىنىش، غەزەپلىنىش، جېدەللىشىش، تۆھمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىللەتلەردىن ۋە ھەر خىل يامانلىقلاردىن يىراق تۇرۇڭلار. بىر-بىرىڭلارغا مېھرىبان، مۇلايىم بولۇڭلار. خۇدا سىلەرنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق كەچۈرگىنىدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى كەچۈرۈڭلار. خۇدانىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرى بولغانىكەنسىلەر، خۇدانى ئۈلگە قىلىڭلار. ئەيسا مەسىھ بىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، بىز ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغاندەك، سىلەرمۇ ھاياتىڭلاردا بىر-بىرىڭلارغا شۇنداق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار. ئۇنىڭ بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلىشى خۇددى خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىققا ئوخشاش، خۇدانى خۇرسەن قىلدى. ئاراڭلاردا جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ناپاكلىق ياكى ئاچكۆزلۈككە قەتئىي يول قويۇلمىسۇن. چۈنكى، بۇنداق ئىشلار خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىگە ماس كەلمەيدۇ. شۇنداقلا، شەھۋانىي ۋە ئەخمىقانە سۆزلەش، چاكىنا چاقچاق قىلىش سىلەرگە ياتتۇر. ئۇنداق قىلىشنىڭ ئورنىغا خۇداغا شۈكۈر ئېيتىڭلار. چۈنكى، شۇنى ئېنىق بىلىڭلاركى، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ناپاكلىق ياكى ئاچكۆزلۈككە بېرىلگەن ھەرقانداق ئادەمگە ئەيسا مەسىھنىڭ ۋە خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ئورۇن يوق. ئاچكۆزلۈككە بېرىلگەن ئادەم خۇداغا ئىبادەت قىلىشنىڭ ئورنىغا مال-مۈلۈككە چوقۇنىدۇ-دە، بۇتپەرەسلەردىن پەرقلەنمەيدۇ. بۇنداق ئىشلارغا باھانە كۆرسىتەلەيدىغانلار يالغان-ياۋىداق سۆزلىرى بىلەن سىلەرنى ئالداپ كەتمىسۇن. چۈنكى، خۇدانىڭ غەزىپى بۇنداق ئىشلارنى سادىر قىلىپ، خۇداغا بويسۇنمىغانلارنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇنداقلارنىڭ قىلمىشلىرىغا شېرىك بولماڭلار. بۇرۇن سىلەر قاراڭغۇلۇقتا ئىدىڭلار. لېكىن، ھازىر رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، يورۇقلۇققا چۆمدۈڭلار. شۇڭا، سۆز-ھەرىكىتىڭلار چوقۇم يورۇقلۇقتىكى ئادەملەرنىڭكىدەك بولسۇن. بۇ يورۇقلۇق ھاياتىڭلاردا ياخشىلىق، ئادىللىق ۋە ھەقىقەتتىن ئىبارەت مول مېۋىلەرنى بېرىدۇ. نېمىنىڭ رەببىمىزنى خۇرسەن قىلىدىغانلىقىنى بىلىشكە تىرىشىڭلار. كىشىلەرنىڭ قاراڭغۇلۇقتا قىلغان ئەھمىيەتسىز يامان ئىشلىرىغا شېرىك بولماڭلار. ئەكسىچە، ئۇ ئىشلارنى پاش قىلىڭلار. ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن قىلغان شۇملۇقلىرىنى تىلغا ئېلىشمۇ نومۇستۇر. نۇر ئۇلارغا چۈشكەندە، ئۇلارنىڭ شۇملۇقلىرىنى ئاشكارا قىلىدۇ. چۈنكى، ھەممە نەرسىنى ئاشكارىلايدىغىنى نۇردۇر. شۇڭا، مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئويغان، ئەي ئۇخلاۋاتقان ئىنسان، تىرىل روھىي ئۆلۈمدىن. ئەيسا مەسىھ ساڭا نۇر چاچار!» شۇنىڭ ئۈچۈن، سۆز-ھەرىكىتىڭلارغا ئېھتىيات قىلىڭلار. بىلىمسىز نادانلاردەك ئەمەس، ئاقىللاردەك ياشاڭلار. خەيرلىك ئىشلارنى قىلىش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەڭلار. چۈنكى، ياشاۋاتقان بۇ دەۋرىمىز رەزىل دەۋردۇر. شۇڭا، ئەقىلسىز بولماڭلار، بەلكى رەببىمىزنىڭ ئىرادىسىنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭلار. ھاراقتىن مەس بولۇپ يۈرمەڭلار. چۈنكى، بۇنداق قىلىش ئادەمنى زەئىپلىككە ئېلىپ بارىدۇ. بۇنىڭ ئورنىغا، مۇقەددەس روھقا چۆمۈپ، ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولۇڭلار. سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا زەبۇر مۇناجاتلىرى، خۇدانى مەدھىيىلەيدىغان ۋە مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامىدىن كەلگەن ناخشىلار ياڭرىسۇن. قەلبىڭلاردا بۇ نەغمە سادالىرى ياڭرىغاندەك، چىن قەلبىڭلاردىن رەببىمىزنى مەدھىيىلەڭلار. ھەممە ئىشلاردا رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن ھەمىشە خۇدائاتىمىزغا شۈكۈر ئېيتىڭلار. ئەيسا مەسىھكە چوڭقۇر ھۆرمىتىڭلار بار بولغانلىقتىن، بىر-بىرىڭلارغا ئىتائەت قىلىڭلار. ئەي ئاياللار، رەببىمىزگە ئىتائەت قىلغىنىڭلاردەك، ئەرلىرىڭلارغا ئىتائەت قىلىڭلار. خۇددى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولغان ئەيسا مەسىھ ئۆز تېنىنىڭ، يەنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ بېشى بولغىنىدەك، ئەرمۇ ئۆز ئايالىنىڭ بېشىدۇر. خۇددى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئەيسا مەسىھكە ئىتائەت قىلغىنىدەك، ئاياللارمۇ ھەرقانداق ئىشتا ئۆز ئەرلىرىگە ئىتائەت قىلسۇن. ئەي ئەرلەر، ئەيسا مەسىھ ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى قانداق سۆيۈپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى قانداق قۇربان قىلغان بولسا، سىلەرمۇ ئاياللىرىڭلارنى شۇنداق سۆيۈڭلار. ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزىنى قۇربان قىلىشتىكى مەقسىتى، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى خۇدانىڭ سۆزى ۋە سۇ بىلەن يۇيۇش ئارقىلىق گۇناھلىرىدىن پاك قىلىشتۇر. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى ھەرقانداق ئىللەت، گۇناھ ۋە يېتەرسىزلىكلەردىن خالى قىلىپ، ئۇنى شان-شەرەپلىك ھالدا ئۆز ئالدىغا خۇددى تويدا كۆچۈرۈلۈشكە تەييارلانغان گۈزەل قىزدەك پاك ۋە ئەيىبسىز ئېلىپ كېلىش ئۈچۈندۇر. ئەيسا مەسىھ ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى شۇنداق سۆيگەنىكەن، ئەرلەرمۇ ئۆز ئاياللىرىنى ئۆز تېنىنى سۆيگەندەك سۆيۈشى كېرەك. ئايالىنى سۆيگەن كىشى ئۆزىنى سۆيگەن بىلەن باراۋەر. ھېچكىم ھېچقاچان ئۆز تېنىدىن نەپرەتلەنمەيدۇ. ئەكسىچە، ئۆز تېنىنى ئاسرايدۇ ۋە ئۇنىڭغا كۆيۈنىدۇ. بۇ خۇددى ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆز تېنى بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى ئاسراپ، ئۇنىڭغا كۆيۈنگەنلىكىگە ئوخشايدۇ. بىز ئەيسا مەسىھنىڭ تېنىنىڭ ئەزالىرىمىز. مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئايالى بىلەن بىرلىشىپ، ئىككىسىنىڭ بىر تەن بولۇشى ئەنە شۇ سەۋەبتىندۇر.» بۇ، ئىنتايىن مۇھىم بىر سىردۇر. مەن بۇ سۆزلەرنى ئەيسا مەسىھ بىلەن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ زىچ مۇناسىۋىتىنى كۆزدە تۇتۇپ ئېيتتىم. يەنە بىر قېتىم شۇنى تەكىتلەيمەنكى، ھەممىڭلار ئايالىڭلارنى ئۆزۈڭلارنى سۆيگەندەك سۆيۈڭلار، ئاياللارمۇ ئەرلىرىنى ھۆرمەتلىسۇن. ئەي بالىلار، رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ئاتا-ئاناڭلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار. بۇ، سىلەرنىڭ بۇرچۇڭلاردۇر. مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن «ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» دېگەن پەرزنى ئادا قىلىڭلار. بۇ، خۇدانىڭ بىر ۋەدە بىلەن باغلاپ بەرگەن دەسلەپكى پەرزىدۇر. بۇ ۋەدە شۇكى، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلساڭلار، «بەختلىك بولىسىلەر ۋە بۇ دۇنيادا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسىلەر.» ئەي ئاتىلار، پەرزەنتلىرىڭلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ، ئۆچمەنلىك پەيدا قىلماڭلار. ئۇلارنى رەببىمىزنىڭ تەلىمى بويىچە تەربىيىلەڭلار. ئەي قۇللار، بۇ دۇنيادىكى خوجايىنلىرىڭلارغا خۇددى ئەيسا مەسىھكە بويسۇنغاندەك چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە چىن قەلب بىلەن بويسۇنۇڭلار. خوجايىنىڭلارنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن، پەقەت ئۇلارنىڭ ئالدىدىلا ئەمەس، بەلكى ھەمىشە ئۇلارغا خىزمەت قىلىڭلار. چۈنكى، سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن خۇدانىڭ ئىرادىسىگە چىن دىلىڭلاردىن ئەمەل قىلىشىڭلار كېرەك. خوجايىنىڭلارغا رازىمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلىڭلار. ئۇنى ئادەملەر ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى رەببىمىز ئۈچۈن قىلغاندەك قىلىڭلار. ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، مەيلى قۇل ياكى ھۆر بولسۇن، رەببىمىز ھەركىمنىڭ قىلغان ھەربىر ياخشىلىقىنى قايتۇرىدۇ. ئەي خوجايىنلار، سىلەرمۇ قۇللىرىڭلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار. ئۇلارغا تەھدىت سالماڭلار. چۈنكى، ئەرشتىكى خۇدا سىلەرنىڭ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭمۇ خوجايىنى ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر. خۇدا ھەممە ئىنسانلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ. ئاخىردا، مەن سىلەرنىڭ رەببىمىزگە ۋە ئۇنىڭ زور قۇدرىتىگە تايىنىپ، كۈچلۈك بولۇشۇڭلارنى تىلەيمەن. شەيتاننىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، خۇدا ئاتا قىلغان قوغدىنىش قوراللىرى بىلەن قوراللىنىڭلار. چۈنكى، بىز ئىنسانلارغا ئەمەس، بەلكى يامان روھىي كۈچلەر دۇنياسىدىكى ھۆكۈمرانلارغا، ھوقۇقدارلارغا، بۇ قاراڭغۇ دۇنيانىڭ كۆرۈنمەس كۈچلىرىگە ۋە باشقا رەزىل روھىي كۈچلەرگە قارشى جەڭ قىلىۋاتىمىز. مۈشكۈل كۈنلەردە دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرالىشىڭلار ھەمدە جەڭدىن كېيىنمۇ قەددىڭلارنى رۇسلاپ تۇرالىشىڭلار ئۈچۈن، خۇدا ئاتا قىلغان قوغدىنىش قوراللىرى بىلەن تولۇق قوراللىنىڭلار. بۇ جەڭدە پۇت تىرەپ تۇرالىشىڭلار ئۈچۈن، بېلىڭلارغا ھەقىقەت كەمىرىنى، كۆكسۈڭلارغا ھەققانىيلىق ساۋۇتىنى تاقاڭلار. خۇدانىڭ ئىنسانلارنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇرۇش توغرىسىدىكى خۇش خەۋەر چورۇقىنى كىيىپ، تەييار تۇرۇڭلار. مانا بۇلارغا قوشۇپ، شەيتاننىڭ بارلىق ئوت تۇتاشتۇرۇلغان ئوقلىرىنى توسۇپ قالالايدىغان ئېتىقاد قالقىنىنى قولۇڭلارغا ئېلىڭلار. خۇدا ئاتا قىلغان قۇتقۇزۇلۇش دۇبۇلغىسىنى كىيىڭلار ۋە مۇقەددەس روھ قىلىچى، يەنى خۇدانىڭ سۆزىنى مەھكەم تۇتۇڭلار. ھەمىشە مۇقەددەس روھقا تايىنىپ، ئىلتىماسىڭلارنى ئېيتىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىڭلار. شۇنداقلا، سەگەك تۇرۇپ، بارلىق ئېتىقادچىلار ئۈچۈن داۋاملىق دۇئا قىلىپ تۇرۇڭلار. مەن ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىڭلار. خۇش خەۋەرنىڭ سىرىنى يۈرەكلىك يەتكۈزۈشۈم ئۈچۈن، خۇدا ماڭا توغرا سۆزلەرنى بەرگەي. مەن بۇ خۇش خەۋەرنى تارقىتىش سەۋەبىدىن كىشەنلەنگەن ئەلچىمەن. مېنىڭ خۇش خەۋەرنى يۈرەكلىك ھالدا يەتكۈزۈشۈم ئۈچۈن دۇئا قىلغايسىلەر. چۈنكى، بۇ مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمدۇر. خۇدائاتىمىزدىن ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە ئامانلىق، مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئىشەنچ تىلەيمەن. رەببىمىز ئەيسا مەسىھنى ئۆچمەس مېھىر-مۇھەببەت بىلەن سۆيگۈچىلەرنىڭ ھەممىسىگە خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى يار بولغاي! ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن ۋە مەن ئارقىلىق تىموتىيدىن، فىلىپى شەھىرىدىكى ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان مۇقەددەس خەلققە، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ باشلامچىلىرى ۋە خىزمەتچىلىرىگە سالام. خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي! مەن سىلەرنى ھەر قېتىم ئەسلىگىنىمدە خۇداغا شۈكۈر ئېيتىمەن. ھەر قېتىم سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلغىنىمدا، قەلبىم خۇرسەنلىككە تولۇپ تاشىدۇ. چۈنكى، مەن ئاراڭلاردا خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە باشلىغان بىرىنچى كۈندىن ھازىرغىچە، سىلەر مېنىڭ بۇ خىزمىتىمنى قوللاپ كەلدىڭلار. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، سىلەرنى يېڭى ھاياتلىق يولىغا يېتەكلىگەن خۇدا ئۆزى باشلىغان بۇ ياخشى ئىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئەيسا مەسىھ قايتا كېلىدىغان كۈنى تاماملايدۇ. مېنىڭ بۇنداق ئويلىشىم توغرا، دەپ قارايمەن. چۈنكى، سىلەرنىڭ مېنىڭ قەلبىمدىن ئالغان ئورنۇڭلار ناھايىتى مۇھىم. مەيلى مەن زىنداندا كىشەنلىنىپ ياتقان ۋاقتىمدا بولسۇن ياكى سىرتتا خۇش خەۋەرنى قوغداپ، ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەرگەن ۋاقتىمدا بولسۇن، ھەممىڭلار مەن بىلەن بىللە خۇدانىڭ ئىلتىپاتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدۇڭلار. مېنىڭ سىلەرنى قانچىلىك سېغىنغانلىقىمغا ھەمدە ئەيسا مەسىھ ماڭا ئاتا قىلغان مېھىر-مۇھەببەت بىلەن سىلەرنى قانچىلىك سۆيىدىغانلىقىمغا خۇدا ئۆزى گۇۋاھتۇر. مەن شۇنىڭغا دۇئا قىلىمەنكى، خۇدا توغرىسىدىكى بىلىمىڭلار ۋە ئاقىللىقىڭلارنىڭ ئېشىشى ئارقىلىق مېھىر-مۇھەببىتىڭلار بارغانسېرى ئېشىپ بارسۇن. شۇنداق بولغاندا، سىلەر خۇدانىڭ نېمىدىن خۇرسەن بولۇپ، نېمىدىن خۇرسەن بولمايدىغانلىقىنى پەرق ئېتەلەيسىلەر-دە، ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەن كۈندە پاك ۋە ئەيىبسىز بولالايسىلەر. ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھاياتىڭلار يەنە ھەققانىيلىق مېۋىسى بىلەن تولۇپ، خۇداغا شان-شەرەپ ۋە مەدھىيىلەر ئېلىپ كېلىسىلەر. قېرىنداشلار، شۇنى بىلىشىڭلارنى خالايمەنكى، بېشىمغا كەلگەن بۇ جاپا-مۇشەققەتلەر خۇش خەۋەرنىڭ تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشىغا تۈرتكە بولدى. ساراي مۇھاپىزەتچىلىرى ۋە باشقىلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلغانلىقىم ئۈچۈن كىشەنلەنگەنلىكىمنى بىلىشتى. زىندانغا تاشلانغانلىقىم سەۋەبىدىن نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلارنىڭ رەببىمىزگە بولغان ئىشەنچى كۈچەيدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار خۇدانىڭ سۆزىنى تېخىمۇ مەردانە ۋە يۈرەكلىك ھالدا يەتكۈزىدىغان بولدى. دەرۋەقە، ماڭا ھەسەتخورلۇق قىلىپ، مەن بىلەن بەسلىشىش مەقسىتىدە خۇش خەۋەر تارقىتىۋاتقانلارمۇ بار. ئەمما باشقىلار خۇش خەۋەرنى ياخشى نىيەت بىلەن يەتكۈزۈۋاتىدۇ. بۇلار مېنىڭ خۇش خەۋەرنى قوغداشقا تەيىنلەنگەنلىكىمنى بىلىپ، مېنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈۋاتىدۇ. لېكىن، ئالدىنقىلىرى بولسا خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشتە ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىنى ئويلاپ، ئۇنى پاك قەلبى بىلەن ئەمەس، بەلكى مېنىڭ زىنداندا تارتىۋاتقان ئازابىمنىڭ ئۈستىگە يۈرەك ئازابى قوشۇش ئۈچۈن قىلىۋاتىدۇ. مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يەنى ئۇلارنىڭ مۇددىئاسى توغرا بولسۇن-بولمىسۇن، پەقەت ئەيسا مەسىھ تونۇتۇلسىلا خۇرسەنمەن. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق خۇرسەن بولىمەن. چۈنكى، خۇدانىڭ مېنى مەن بىلەن قارشىلاشقۇچىلارنىڭ ئالدىدا ئاقلايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بۇ، سىلەرنىڭ دۇئالىرىڭلار ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ روھى، يەنى مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمى ئارقىلىق بولىدۇ. ئەيسا مەسىھكە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىپ، خىجالەتچىلىكتە قالماسلىقىمنى ئىنتىزارلىق بىلەن ئۈمىد قىلىمەن ھەمدە ھازىرمۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا، مەيلى مەن قانداق ياشاي ياكى قانداق ئۆلەي، ئەيسا مەسىھنى باتۇرلۇق بىلەن ئۇلۇغلايمەن. چۈنكى، مەن ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن ياشايمەن. ئۆلسەممۇ، ئەرشتە ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە بولىمەن. بۇ، مەن ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر. لېكىن، ھاياتلا بولىدىكەنمەن، ئىشىنىمەنكى ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىم نەتىجىلىك بولىدۇ. قايسىنى تاللىشىم كېرەك؟ تەڭلىكتە قالدىم. بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ، ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن، چۈنكى بۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئىش يوقتۇر، ئەلۋەتتە. بىراق، سىلەر ئۈچۈن مېنىڭ ھايات تۇرۇشۇم زۆرۈردۇر. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، مەن ھازىرچە ئۆلمەيمەن. ئەكسىچە، ھەممىڭلارنىڭ ئېتىقادى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، تېخىمۇ خۇشال بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، داۋاملىق سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن. مەن ئامان-ئېسەن سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا قايتا بارغىنىمدا، مېنىڭ كەلگەنلىكىمدىن سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە بولغان خۇرسەنلىكىڭلار تېخىمۇ تولۇپ تاشىدۇ. نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەمەلىي ھەرىكىتىڭلار ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرگە لايىق بولسۇن. شۇنداق بولغاندا، مەيلى مەن يېنىڭلارغا بېرىپ، سىلەر بىلەن دىدار كۆرۈشەي ياكى مۇشۇ يەردە تۇرۇپ، سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلاردىن خەۋەردار بولاي، سىلەرنىڭ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە قەتئىي تەۋرەنمەي، بۇ خۇش خەۋەر ئېلىپ كېلىدىغان ئېتىقاد ئۈچۈن بىرلىكتە كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىڭلارنى بىلەلەيمەن. سىلەرگە قارشى تۇرغۇچىلاردىن قىلچە قورقماڭلار. سىلەردىكى بۇ غەيرەت ئۇلارنىڭ ھالاك بولىدىغانلىقىنىڭ، سىلەرنىڭ بولسا خۇدا تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلىدىغانلىقىڭلارنىڭ بەلگىسىدۇر. چۈنكى، خۇدا سىلەرگە پەقەت ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشنىڭمۇ شەرىپىنى ئاتا قىلغان. مەن سىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمدا، سىلەر مېنىڭ خۇش خەۋەرگە قارشى تۇرغۇچىلار بىلەن كۈرەش قىلغانلىقىمنى كۆردۈڭلار. ھازىرمۇ مېنىڭ بۇ كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىمدىن خەۋەردار بولۇۋاتىسىلەر ھەمدە سىلەرمۇ بۇ كۈرەشنى قىلىۋاتىسىلەر. ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، سىلەر رىغبەتلەندۈرۈلدۈڭلار ۋە ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن تەسەللى تاپتىڭلار. مۇقەددەس روھتىن ئورتاق بەھرىمەن بولدۇڭلار ھەمدە ئەيسا مەسىھنىڭ مېھرىبانلىقى ۋە رەھىمدىللىكىنى كۆردۈڭلار. شۇنداق ئىكەن، سىلەر ئوخشاش ئوي-پىكىر، ساپ مېھىر-مۇھەببەت ۋە بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇڭلار. شۇنداق بولغاندا، مېنى خۇشاللىققا چۆمدۈرىسىلەر. ھەرقانداق ئىشتا شەخسىيەتچىلىك ۋە قۇرۇق شۆھرەتكە بېرىلمەڭلار. ئەكسىچە، كەمتەر بولۇپ، باشقىلارنى ئۆزۈڭلاردىن ئۈستۈن كۆرۈڭلار. ئۆز مەنپەئىتىڭلارنىلا ئەمەس، باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنىمۇ ئويلاڭلار. ئوي-پىكرىڭلاردا ئەيسا مەسىھتەك بولۇڭلار: ئۇ تەبىئىتى جەھەتتە خۇدا بولسىمۇ، خۇدا بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرۇشۇم كېرەك، دېمىدى. ئەكسىچە، ئۇ ئۆز ئىختىيارى بىلەن بۇ ئورۇندىن ۋاز كېچىپ، ئىنسان تېنىدە كېلىپ، ئۆزىنى قۇلدەك تۇتتى. ئۇ ئىنسان قىياپىتىدە ياشاپ ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇپ، تاكى ئۆلگۈچە خۇداغا ئىتائەتمەن بولدى. ئۇ ھەتتا كرېستكە مىخلانغاندىمۇ شۇنداق قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ خۇدا ئۇنى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭغا ھەممىدىن ئۈستۈن نام-شۆھرەتنى بەردى. شۇڭا، بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيادىكى پۈتكۈل مەۋجۇدات ئەيسا مەسىھنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئۇنىڭغا سەجدە قىلىپ، ئۇنى رەببىم دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، خۇدائاتىمىز ئۇلۇغلىنىدۇ. شۇڭلاشقا، ئەزىز قېرىنداشلىرىم، مەن ئاراڭلاردىكى ۋاقتىمدا ھەمىشە سۆزۈمنى ئاڭلىغىنىڭلاردەك، سىلەردىن ئايرىلغان مۇشۇ ۋاقىتلاردىمۇ سۆزۈمنى تېخىمۇ ياخشى ئاڭلاڭلار. خۇدادىن قورقۇپ ۋە ئۇنى چوڭقۇر ھۆرمەتلەپ، خۇدا سىلەرنى قۇتقۇزغاندا ئاتا قىلغان يېڭى ھاياتنى تۇرمۇشۇڭلارغا تەتبىقلاشقا تىرىشىڭلار. چۈنكى، خۇدا سىلەرنى ئۆزگەرتىپ، سىلەرگە ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئارزۇ ھەم كۈچ-قۇدرەت بېرىدۇ. ھەرقانداق ئىش قىلغاندا ئاغرىنماڭلار، تاكاللاشماڭلار. سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادىڭلار ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىڭلار خۇداغا ئاتالغان قۇربانلىق ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر مەن ئىسسىق قېنىمنى سىلەرنىڭ بۇ قۇربانلىقىڭلار ئۈستىگە چاچسام، يەنى سىلەر ئۈچۈن ئۆلسەم، خۇرسەن بولىمەن ھەمدە سىلەر بىلەن بىللە شادلىققا چۆمىمەن. شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ خۇرسەن بولۇڭلار ھەمدە مەن بىلەن بىللە شادلىققا چۆمۈڭلار. رەببىمىز ئەيسا خالىسا، تىموتىينى يېقىندا يېنىڭلارغا ئەۋەتىمەن. بۇنىڭ بىلەن، ئۆزئارا ئەھۋالىمىزنى ئۇقۇشۇپ، كۆڭلىمىز ئارام تاپىدۇ. ھازىر مېنىڭ يېنىمدا تىموتىيدىن باشقا ماڭا ئوخشاش سىلەرگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم يوق. باشقىلار ئۆز ئىشلىرىنىلا ئويلاپ، ئەيسا مەسىھنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارغا ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ. سىلەرگە مەلۇمكى، تىموتىي ئۆزىنىڭ ياخشى بىر ياردەمچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئۇ خۇددى ئوغۇلنىڭ ئاتىسىغا ياردەم قىلغىنىغا ئوخشاش، خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش يولىدا مەن بىلەن بىللە ئىشلىدى. شۇڭا، مەن زىنداندىن چىقىش ئىشىمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلگەن ھامان، ئۇنى دەرھال يېنىڭلارغا ئەۋەتىمەن. رەببىمىزگە بولغان ئىشەنچىم كامىلكى، پات ئارىدا ئۆزۈممۇ يېنىڭلارغا بارىمەن. مەن ياردەمگە موھتاج بولۇپ تۇرغان ۋاقتىمدا، سىلەر ماڭا ئۇچۇرچى ئېپافرودىتنى ئەۋەتتىڭلار. ھازىر مەن ئۇنى سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا ئەۋەتىشنى قارار قىلدىم. ئۇ مەن بىلەن خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش يولىدا مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلغان قېرىندىشىم ھەم خىزمەتدىشىمدۇر. ئۇ ھەممىڭلارنى سېغىندى ھەمدە ئۆزىنىڭ كېسەل بولۇپ قالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىڭلار ئۈچۈن بىئارام بولدى. دەرۋەقە، ئۇ راستتىنلا كېسەل بولۇپ قېلىپ، ئۆلۈپ كېتىشكە تاس قالغانىدى. لېكىن، ئۇ ئۆلمىدى، چۈنكى خۇدا ئۇنىڭغا رەھىم قىلدى. خۇدا يالغۇز ئۇنىڭغىلا ئەمەس، دەرد ئۈستىگە دەرد بولمىسۇن دەپ، ماڭىمۇ رەھىم قىلدى. مانا شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن قايتا كۆرۈشۈپ خۇرسەن بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئۇنى تېزلا يولغا سالماقچىمەن. شۇنداق قىلسام، مەن سىلەردىن كۆپ ئەنسىرمەيدىغان بولىمەن. شۇڭا، ئۇنى قېرىندىشىڭلارنى كۈتۈۋالغاندەك خۇشال-خۇراملىق بىلەن كۈتۈۋالغايسىلەر ھەمدە بۇنداق كىشىلەرنى ھۆرمەتلىگەيسىلەر. چۈنكى، ئۇ ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ھاياتىنىڭ خېيىمخەتەرگە ئۇچرىشىغا قارىماي، سىلەر ماڭا قىلالمىغان ياردەمنى قىلىمەن دەپ، ئۆلۈشكە تاس قالغانىدى. ئەمدى قېرىنداشلىرىم، سىلەر رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن شاد-خۇرام بولۇڭلار. سىلەرگە بۇرۇن ئېيتقان سۆزلەرنى يەنە قايتىلاش ماڭا ئاۋارىچىلىك ئەمەس، چۈنكى بۇ سۆزلەر سىلەرنىڭ قوغدىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر. قۇتقۇزۇلۇش ئۈچۈن چوقۇم خەتنە قىلىنىش كېرەك، دەپ يۈرىدىغان «تەن كەسكۈچىلەر»~دىن ھوشيار بولۇڭلار. بۇ يامانلىق قىلغۇچىلار ئىتتىن پەرقى يوق! خۇدانىڭ نەزىرىدە ھەقىقىي خەتنە قىلىنغانلار ئۇلار ئەمەس، بەلكى بىزلەر. چۈنكى، بىز مۇقەددەس روھقا تايىنىپ، خۇداغا ئىبادەت قىلىپ، ئەيسا مەسىھ بىلەن ماختىنىمىز. بىز قىلچىمۇ خەتنىگە ۋە ئۆزىمىز سىڭدۈرگەن ئەجىرگە تايانمايمىز. ئەگەر ئۆز ئەجرىمگە تايىنىشقا توغرا كەلسىدى، ئۇنىڭغا ئاساسلىرىم يېتەرلىك بولاتتى. ئەگەر بەزىلەر بۇنداق ئىشلارغا تايىنىپ قۇتقۇزۇلغىلى بولىدۇ دەپ ئويلىسا، ئۇ چاغدا مېنىڭ ئاساسىم تېخىمۇ يېتەرلىك بولاتتى. چۈنكى، مەن تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى خەتنە قىلىنغان ئىسرائىل ئەۋلادىمەن، يەنى بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان قېنى ساپ يەھۇدىيمەن. تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشنى ئۆلچەم قىلىش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ، مەن قىل سىغمايدىغان پەرىسىي ئېقىمىدىنمەن. بۇ يولدىكى قىزغىنلىقىم جەھەتتىن ئېيتقاندا، مەن ئىلگىرى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغۇچىلار تەۋرات قانۇنىنى بىكار قىلماقچى دەپ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلغان ئادەم ئىدىم. ئەگەر تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ھەققانىيلىق دەپ قارالسا، مەن بۇ ئۆلچەمگە ئەڭ لايىق ئادەم بولاتتىم. لېكىن، مەن بۇرۇن قۇتقۇزۇلۇش ئۈچۈن مۇھىم بىلگەن بۇ ئىشلارنى ھازىر پۈتۈنلەي ئەھمىيەتسىز دەپ قارىدىم. مېنىڭ ھازىرقى مەقسىتىم، ئەيسا مەسىھنى ۋە ئۇنىڭ ئۆلۈپ تىرىلىش قۇدرىتىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى ئۆز كەچۈرمىشىم ئارقىلىق چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى ئۈلگە قىلىش ۋە نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۆلۈمدىن خۇدا ۋەدە بەرگەن تىرىلىشكە يېتىشتۇر. بۇنداق دېيىش بىلەن، بۇ مەقسەتكە ئېرىشىپ بولدۇم ياكى كامالەتكە يەتتىم، دېمەكچى ئەمەسمەن. لېكىن، ئەيسا مەسىھ مېنى نېمە مەقسەت بىلەن قۇتقۇزغان بولسا، مەنمۇ شۇ مەقسەت ئۈچۈن چېپىپ يۈرۈۋاتىمەن. قېرىنداشلار، مەن ھەرگىز ئۆزۈمنى بۇ مەقسەتكە يېتىپ بولدۇم، دەپ قارىمايمەن. لېكىن مەن شۇنداق قىلىمەنكى، خۇددى يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە كەينىگە قارىماي يۈگۈرۈۋاتقان ئادەمدەك، مەنمۇ ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارنى ئويلىماي، كەلگۈسىدىكى نىشانغا قاراپ تىرىشىمەن. يەنى، خۇدا ئەيسا مەسھ ئارقىلىق مېنى چاقىرىپ، ئەرشتە مەن ئۈچۈن تەييارلىغان ئىنئامغا قاراپ ئىلگىرىلەيمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئارىمىزدىكى روھىي جەھەتتە پىشىپ يېتىلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇشۇنداق ئويلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەگەر باشقىچە ئوي-پىكرىڭلار بولسا، خۇدا بۇنىمۇ سىلەرگە ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز خۇدا بىزگە كۆرسىتىپ بەرگەن ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. قېرىنداشلار، مېنى ئۈلگە قىلىڭلار، شۇنداقلا سىلەر بىزنى ئۈلگە قىلغان كىشىلەردىنمۇ ئۆگىنىڭلار. چۈنكى، سىلەرگە كۆپ قېتىم ئېيتقىنىمدەك، ھازىرمۇ كۆز ياشلىرىمنى تۆكۈپ تۇرۇپ شۇنى قايتا ئېيتىمەنكى، ئۆزلىرىنى ئېتىقادچى دەۋالغان نۇرغۇن كىشىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتىكى قۇربانلىقىنى كۆزگە ئىلماي، ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىدەك يۈرمەكتە. بۇنداقلارنىڭ ئاقىۋىتى مەڭگۈلۈك ھالاكەتتۇر. ئۇلارنىڭ خۇداسى ئۆزىنىڭ قارنىدۇر. ئۇلارنىڭ ماختىنىدىغىنى نومۇسسىز ئىشلاردۇر. ئۇلار پەقەت بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىنىلا ئويلايدۇ. ھالبۇكى، بىزنىڭ ھەقىقىي ماكانىمىز ئەرشتە. بىز ئەرشتىكى قۇتقۇزغۇچىمىز بولغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئەرشتىن كېلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتىمىز. شۇ چاغدا، ئۇ پۈتكۈل مەۋجۇداتنى ئۆزىگە بويسۇندۇرىدىغان قۇدرىتى بىلەن بىزنىڭ چىرىپ كېتىدىغان تېنىمىزنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ شان-شەرەپلىك تېنىگە ئوخشاش قىلىدۇ. ئەي سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم، مەن سىلەرنى سۆيىمەن، سىلەرنى كۆرۈشكە شۇ قەدەر تەشنامەن! سىلەر مېنىڭ خۇشاللىقىم ھەم پەخرىمسىلەر. رەببىمىزگە بولغان ئېتىقادىڭلاردا قىلچە تەۋرەنمەڭلار. ئېۋودىيا ۋە سىنتىخە خانىم، سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن چىقىشىپ ئۆتۈڭلار. ئەي سادىق ھەمكارىم، سەندىن شۇنى تەلەپ قىلىمەنكى، بۇ ئىشتا سەنمۇ بۇ ئىككى خانىمغا ياردەم قىل. چۈنكى، ئۇلار مەن ۋە كلېمېنت بىلەن، شۇنداقلا نامى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلگەن باشقا خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىللە خۇش خەۋەرنى تارقىتىش يولىدا قان-تەر سىڭدۈرگەن. رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ھەمىشە شاد-خۇرام بولۇڭلار. يەنە تەكرارلايمەنكى، شاد-خۇرام بولۇڭلار! خۇش پېئىللىقىڭلار پۈتكۈل ئىنسانغا ئايان بولسۇن. ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، رەببىمىزنىڭ كېلىشىگە ئاز قالدى. ھېچ نەرسىدىن غەم قىلماڭلار. ئەكسىچە، ھەرقانداق تەلىپىڭلار بولسا دۇئا-تىلاۋەت ئارقىلىق خۇدادىن تىلەڭلار ۋە شۈكۈر ئېيتىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، خۇدانىڭ كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىغان تىنچلىقى سىلەرنىڭ قەلبىڭلارنى ۋە ئوي-پىكرىڭلارنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق تىنچلاندۇرىدۇ. قېرىنداشلىرىم، سۆزۈمنىڭ ئاخىرىدا شۇنى ئېيتىمەنكى، ھەقىقىي، ماختاشقا ئەرزىيدىغان، ئادىل، پاك، گۈزەل، شەرەپلىك، ئەخلاق-پەزىلەتلىك ۋە مەدھىيىلەشكە سازاۋەر ھەرقانداق ئىشلارغا كۆڭۈل قويۇڭلار. مەندىن ئۆگەنگەن، قوبۇل قىلغان، ئاڭلىغان ۋە كۆرگەنلىرىڭلارنى ئەمەلىي ھەرىكىتىڭلاردا كۆرسىتىڭلار. شۇنداق بولغاندا، خاتىرجەملىك بېرىدىغان خۇدا سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ. ماڭا يەنە بىر قېتىم غەمخورلۇق قىلغىنىڭلار ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم ۋە رەببىمىزگە شۈكۈر ئېيتتىم. ھەقىقەتەنمۇ سىلەر ماڭا ئەزەلدىن غەمخورلۇق قىلىپ كەلدىڭلار، لېكىن ئۇنى ئىپادىلىشىڭلارغا پەقەت پۇرسەت بولماي كەلدى. بۇنى بىرەر ئېھتىياجىم تۈپەيلىدىن ئېيتىۋاتقىنىم يوق، چۈنكى مەن ھەرقانداق ئەھۋالدا بارىغا قانائەت قىلىشنى ئۆگىنىۋالدىم. مەن مەيلى نامراتلىق ياكى باياشاتلىق بولسۇن، مەيلى توقچىلىق ياكى ئاچارچىلىق بولسۇن، مەيلى مولچىلىق ياكى غۇربەتچىلىك بولسۇن، ھەرقاچان، ھەرقانداق ئەھۋالدا قانائەت قىلىشنى بىلىۋالدىم. مەن ماڭا كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلغۇچى رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە تايىنىپ، خۇدا مەندىن تەلەپ قىلغان ھەرقانداق ئىشنى قىلالايمەن. شۇنداقتىمۇ، سىلەر قىيىنچىلىقلىرىمغا ياردەم بېرىپ ياخشى قىلدىڭلار. ئەي فىلىپىلىكلەر، سىلەرگە مەلۇمكى، مەن سىلەرگە بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشنى باشلىغان ۋە ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىن ئايرىلغان چاغلىرىمدا، سىلەردىن باشقا ھېچقانداق ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ماڭا ياردەم بەرمىدى. سالونىكا شەھىرىدىكى ۋاقتىمدىمۇ، سىلەر ماڭا بىرنەچچە قېتىم ياردەم بېرىپ، ئېھتىياجىمدىن چىقتىڭلار. مېنىڭ بۇنداق دېيىشىم، سىلەردىن بىرەر سوۋغات تەلەپ قىلىش ئەمەس، بەلكى سىلەرنىڭ ماڭا بەرگەن ياردىمىڭلار ئۈچۈن خۇدانىڭ سىلەرگە زور بەخت قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىشتۇر. مەن سىلەرنىڭ ماڭا ئەۋەتكەن بارلىق سوۋغىتىڭلارنى تاپشۇرۇۋالدىم. بۇ مېنىڭ ئېھتىياجىمدىن ئېشىپ كەتتى، ئەلۋەتتە. ئېپافرودىت ئارقىلىق ئەۋەتكەن سوۋغىتىڭلارنى ئېلىپ، ھەممە نەرسەم تېخىمۇ تولۇقلىنىپ كەتتى. بۇ سوۋغاتلار خۇددى خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىقتەك، خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەر ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ماڭا غەمخورلۇق قىلغان خۇدا ئۆزىنىڭ مول بايلىقى بىلەن سىلەرنىڭمۇ ھەممە ئېھتىياجىڭلارنى قاندۇرىدۇ. بارلىق شان-شەرەپ ئەبەدىلئەبەد خۇدائاتىمىزغا مەنسۇپ بولغاي، ئامىن! ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان بارلىق مۇقەددەس خەلققە سالام. مەن بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان قېرىنداشلاردىنمۇ سىلەرگە سالام. بۇ يەردىكى مۇقەددەس خەلقتىن، بولۇپمۇ رىم ئىمپېراتورىنىڭ ئوردىسىدىكى خىزمەتكار قېرىنداشلاردىن سىلەرگە سالام. رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي! خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىسى بولۇشقا تاللانغان مەنكى پاۋلۇس ۋە مەن ئارقىلىق قېرىندىشىمىز تىموتىيدىن كولوسى شەھىرىدىكى ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان سادىق ۋە مۇقەددەس خەلققە سالام. خۇدائاتىمىز سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي! بىز سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلغاندا، ھەمىشە رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسى بولغان خۇداغا شۈكۈر ئېيتىمىز. چۈنكى، بىز سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغىنىڭلاردىن ۋە خۇدانىڭ بارلىق مۇقەددەس خەلقىگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكىنىڭلاردىن خەۋەر تاپتۇق. سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار ۋە مېھىر-مۇھەببىتىڭلار ئەرشتە سىلەر ئۈچۈن ساقلىنىۋاتقان ھەقىقىي بايلىققا بولغان ئۈمىدىڭلاردىن كەلگەن. ھەقىقەتتىن ئىبارەت بولغان خۇش خەۋەر سىلەرگە دەسلەپتە يەتكۈزۈلگەن چاغدىلا بۇ ئۈمىد سىلەردە پەيدا بولغان. خۇش خەۋەر سىلەرگە يەتكەندە، سىلەر خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى ھەقىقىي تونۇپ يەتتىڭلار. ئۇشبۇ خۇش خەۋەر ئاراڭلاردا بىرىنچى كۈندىن تارتىپ مېۋە بېرىپ، ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكىنىدەك، ھازىرمۇ دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا شۇنداق قىلماقتا. سىلەر خۇدانىڭ بۇ مېھىر-شەپقىتى توغرۇلۇق بىزنىڭ قەدىرلىك خىزمەتدىشىمىز ئېپافىرادىن تەلىم ئالدىڭلار. ئۇ ئەيسا مەسىھنىڭ سادىق خىزمەتكارى بولۇپ، بىزنىڭ ئورنىمىزدا سىلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. ئۇ يەنە مۇقەددەس روھ سىلەرگە ئاتا قىلغان مېھىر-مۇھەببەتتىن بىزنى خەۋەردار قىلدى. شۇڭا، بىز سىلەر توغرىسىدىكى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان كۈندىن باشلاپ، سىلەر ئۈچۈن داۋاملىق دۇئا قىلىپ تۇرۇۋاتىمىز. بىز دۇئايىمىزدا خۇدادىن شۇنى تىلىدۇقكى، سىلەر مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئەقىل-پاراسەتكە تولۇپ، خۇدانىڭ ئىرادىسى توغرۇلۇق تولۇق چۈشەنچىگە ئېرىشكەيسىلەر. شۇنداق بولغاندا، رەببىمىزنىڭ ئىرادىسىگە مۇناسىپ ياشاپ، ھەر جەھەتتىن ئۇنى خۇرسەن قىلالايسىلەر ھەمدە ھاياتىڭلاردا ھەربىر ياخشى ئىشتا مېۋە بېرىپ، خۇدانى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يېتەلەيسىلەر. بىز يەنە شۇنى تىلىدۇقكى، خۇدا سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ قۇدرىتى بىلەن كۈچلەندۈرگەي. شۇنداق بولغاندا، سىلەر ھەرقانداق ئىشقا سەۋرچانلىق بىلەن بەرداشلىق بېرەلەيسىلەر ھەمدە خۇشال-خۇراملىققا چۆمۈپ، خۇدائاتىمىزغا شۈكۈر ئېيتىسىلەر. چۈنكى، خۇدا سىلەرنى يورۇقلۇقتا ياشاۋاتقان بارلىق مۇقەددەس خەلقىنىڭ مىراسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشقا لايىق قىلدى. ئۇ بىزنى شەيتاننىڭ زۇلۇم-زەخمىتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، سۆيۈملۈك ئوغلىنىڭ پادىشاھلىقىغا ئېلىپ كىردى. بىز ئۇنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلى ئارقىلىق گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئەركىن بولدۇق، يەنى گۇناھلىرىمىز كەچۈرۈم قىلىندى. ئەيسا مەسىھ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان خۇدانىڭ ئوبرازىدۇر. ئۇ بارلىق مەۋجۇداتلاردىن بۇرۇن مەۋجۇت بولغان بولۇپ، ئۇلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. چۈنكى، مەيلى يەر يۈزىدە ياكى ئەرشتە بولسۇن، مەۋجۇداتلارنىڭ ھەممىسى ئۇ ئارقىلىق يارىتىلغان. كۆرگىلى بولىدىغان مەۋجۇداتلار ياكى كۆرگىلى بولمايدىغان ئەرشتىكى ھەرقانداق مەرتىۋىلىكلەر، مەنسەپدارلار، ھۆكۈمرانلار ۋە ھوقۇقدارلار بولسۇن، ھەممىسى ئۇ ئارقىلىق ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر. ئۇ بارلىق مەۋجۇداتلاردىن بۇرۇن مەۋجۇتتۇر. بارلىق مەۋجۇداتلار ئۇ ئارقىلىقلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئەيسا مەسىھ ئۆز تېنىدىن ئىبارەت بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ بېشى ۋە ئۇنىڭ بەرپا قىلغۇچىسىدۇر. ئۇنىڭ ھەر جەھەتتىن پۈتكۈل مەۋجۇداتلاردىن ئۈستۈن تۇرۇشى ئۈچۈن، ئۇ ئەڭ ئاۋۋال ئۆلۈمدىن مەڭگۈلۈككە تىرىلدۈرۈلگەن. خۇدا ئۆزىنىڭ بارلىق مۇكەممەل تەبىئىتىنىڭ ئۇنىڭدا بولۇشىدىن سۆيۈندى ھەمدە ئۇ ئارقىلىق يەر يۈزى ۋە ئەرشتىكى بارلىق مەۋجۇداتنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇرۇپ، ئۇنىڭ كرېستتە ئاققۇزغان قېنى ئارقىلىق ئىناقلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىنمۇ سۆيۈندى. ئىلگىرى سىلەرمۇ خۇدادىن ئايرىلىپ، قىلغان يامان ئوي-پىكرىڭلار ۋە ئىشلىرىڭلار سەۋەبىدىن ئۇنىڭ بىلەن دۈشمەنلەشكەنىدىڭلار. بىراق، ھازىر خۇدا ئۆز ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ ئىنسان تېنىدە كرېستكە مىخلىنىپ قۇربان بولۇشى ئارقىلىق سىلەرنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى. بۇنىڭدىن مەقسەت، سىلەرنىڭ خۇدانىڭ ئالدىدا پاك، قۇسۇرسىز ۋە ئەيىبسىز بولۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر. لېكىن، سىلەر چوقۇم ئېتىقادىڭلاردا تەۋرەنمەي، چىڭ ۋە مۇستەھكەم تۇرۇشۇڭلار، خۇش خەۋەر سىلەرگە ئېلىپ كەلگەن ئۈمىدتىن ۋاز كەچمەسلىكىڭلار كېرەك. بۇ خۇش خەۋەر پۈتۈن يەر-يۈزىدە يەتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، مەن پاۋلۇسمۇ ئۇنى يەتكۈزۈشكە تەيىنلەندىم. مەن ھازىر سىلەر ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىۋاتقىنىمغا خۇرسەنمەن. چۈنكى، خۇددى ئەيسا مەسىھ ئازاب-ئوقۇبەت تارتقانغا ئوخشاش، مەن ئۇنىڭ تېنى، يەنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئۈچۈن تارتىشقا تېگىشلىك بولغان ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۆز تېنىمدا تارتىۋاتىمەن. خۇدا خوش خەۋەرنىڭ سىلەرگە يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن، مېنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ خىزمەتكارى قىلىپ تەيىنلىدى. بۇ خوش خەۋەر ئەلمىساقتىن بۇيان ئاشكارىلانمىغان. ھازىر ئۇنىڭ سىرى خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىگە ئايان قىلىندى. خۇدا بۇ سىرنىڭ سىلەر يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ ھەقىقىي ئۇلۇغلۇق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئۆز مۇقەددەس خەلقىگە بىلدۈرۈشتىن سۆيۈندى. بۇ سىر دەل ئەيسا مەسىھنىڭ قەلبىڭلاردا ئىكەنلىكىدۇر. بۇ سىلەر ئۈمىد قىلغان ئۇلۇغلۇققا كەلگۈسىدە ئېرىشىشىڭلارنىڭ كاپالىتىدۇر. شۇڭا، بىز ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى بارلىق ئىنسانلارغا يەتكۈزۈشكە، شۇنداقلا خۇدا بىزگە ئاتا قىلغان بارلىق ئەقىل-پاراسەت بىلەن ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ تەلىم بېرىشكە تىرىشىۋاتىمىز. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولۇپ، ئۇنىڭغا بولغان ئېتىقادىنىڭ ھەر جەھەتتىن تولۇق يېتىلگەن ھالدا خۇدانىڭ ئالدىغا بېرىشى ئۈچۈندۇر. بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھتىن كەلگەن، ھاياتىمدا نامايان بولۇۋاتقان زور كۈچكە تايىنىپ، تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىشلەۋاتىمەن. مېنىڭ سىلەر ۋە لائودىكىيا شەھىرىدىكىلەر ھەمدە مېنى تېخى كۆرمىگەن باشقا كىشىلەر ئۈچۈن قانداق تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىشلەۋاتقانلىقىمنى بىلىشىڭلارنى خالايمەن. مېنىڭ بۇنداق ئىشلىشىم سىلەرنىڭ ئىچ-ئىچىڭلاردىن رىغبەتلىنىپ، بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، ئۆزئارا باغلىنىشىڭلار ئۈچۈندۇر. شۇنداق بولغاندا، ھەقىقەتنى چوڭقۇر چۈشىنىشتىن كەلگەن تولۇق ئىشەنچكە ئېرىشىپ، خۇدا ئاشكارىلىغان سىرنى، يەنى ئەيسا مەسىھنى ھەقىقىي تونۇپ يېتەلەيسىلەر. بارلىق ئەقىل-پاراسەت ۋە بىلىم ئەيسا مەسىھكە مۇجەسسەملەنگەن. ھېچكىمنىڭ سىلەرنى چىرايلىق گەپ-سۆزلەر بىلەن ئازدۇرۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، بۇلارنى ئېيتىۋاتىمەن. چۈنكى، مەن سىلەر بىلەن بىر يەردە بولمىساممۇ، قەلبىم دائىم سىلەر بىلەن بىللە. سىلەرنىڭ تۇرمۇشۇڭلارنىڭ تەرتىپلىك ۋە ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادىڭلارنىڭ مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، خۇرسەن بولماقتىمەن. سىلەر ئەيسا مەسىھنى رەببىمىز، دەپ قوبۇل قىلغانىكەنسىلەر، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ياشاڭلار. ئۇنىڭغا بولغان ئېتىقادىڭلار چوڭقۇر يىلتىز تارتقان دەرەخكە ۋە پۇختا قۇرۇلغان بىناغا ئوخشاش مۇستەھكەم بولسۇن. سىلەرگە تاپشۇرۇلغان ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇڭلار. قەلبىڭلار خۇداغا بولغان مىننەتدارلىق بىلەن تولسۇن. ئېھتىياتچان بولۇڭلار، ھېچكىم سىلەرنى قۇرۇق پەلسەپە ۋە يالغان سەپسەتىلەر بىلەن ئازدۇرۇپ كەتمىسۇن. بۇلار ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىمىدىن ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنىڭ ئەنئەنىلىرى ۋە بۇ دۇنيادىكى يامان روھىي كۈچلەرنىڭ تەسىرلىرىدىن كەلگەن. خۇدانىڭ بارلىق مۇكەممەل تەبىئىتى بۇ دۇنياغا ئىنسان تېنىدە كەلگەن ئەيسا مەسىھتىدۇر. سىلەر روھىي كۈچلەر دۇنياسىدىكى بارلىق ھۆكۈمرانلار ۋە ھوقۇقدارلاردىن ئۈستۈن تۇرغۇچى ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭ مۇكەممەللىكىدىن تولۇقلىنىپ تۇرىسىلەر. سىلەر ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، جىسمانىي جەھەتتىكى خەتنىنى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئاتا قىلغان روھىي جەھەتتىكى خەتنىنى قوبۇل قىلدىڭلار. بۇ، سىلەرنى گۇناھكار تەبىئىتىڭلارنىڭ ئىلكىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان خەتنىدۇر. چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغىنىڭلاردا، سىلەر ئەيسا مەسىھكە باغلانغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۆلۈمى بىلەنمۇ باغلىنىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە كۆمۈلدۈڭلار ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە تىرىلدۈرۈلدۈڭلار. بۇ، ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە بولغان ئىشەنچىڭلار ئارقىلىق بولدى. سىلەر بۇرۇن گۇناھ ئىچىدە ياشىغانلىقىڭلار ۋە گۇناھكار تەبىئىتىڭلارنىڭ ئىلكىدىن قۇتۇلمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن، روھىي جەھەتتە ئۆلۈك ئىدىڭلار. بىراق، خۇدا سىلەرنى ئەيسا مەسىھكە باغلاپ، يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈردى ۋە پۈتۈن گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلدى. ئەيسا مەسىھ كرېستكە مىخلانغاندا، خۇدا بارلىق گۇناھلىرىمىز خاتىرىلەنگەن، بىزگە قارشى بولغان ھېساب-كىتابىنى شۇ كرېستكە مىخلاپ، بىكار قىلدى. شۇنداق قىلىپ، خۇدا روھىي كۈچلەر دۇنياسىدىكى يامان ھۆكۈمرانلار ۋە ھوقۇقدارلارنى قورالسىزلاندۇرۇپ، ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتىكى قۇربانلىقى ئارقىلىق ئۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش بىلەن ئۇلارنى پۈتكۈل ئالەم ئالدىدا نومۇستا قالدۇردى. شۇنىڭ ئۈچۈن، يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە ۋە ھېيت-ئايەم، ھىلال ئاي بايراملىرى ياكى دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئۆتكۈزۈش-ئۆتكۈزمەسلىك جەھەتتە ھېچكىمنىڭ سىلەرنى ئەيىبلەيدىغان ھوقۇقى يوق. بۇنداق قائىدە-يوسۇنلار پەقەت ئەيسا مەسىھ ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئىشلاردىن دېرەك بېرىدىغان كۆلەڭگىدۇر. بۇ ئىشلار ئەيسا مەسىھ تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ بولدى. ساختا كەمتەرلىك قىلىشقا ۋە پەرىشتىلەرگە چوقۇنۇشقا بېرىلگەن كىشىلەرنىڭ بۇنداق ئىشلاردا ئەيىبلەشلىرىگە پەرۋا قىلماڭلار. ئۇلار ساختا، غايىبانە ئالامەتلەرگە ئېسىلىشىۋېلىپ، ھەر خىل خام خىياللاردا بولۇپ، ئاساسسىز تەكەببۇرلۇق قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ بېشى بولغان ئەيسا مەسىھ بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. ئېتىقادچىلار ئەيسا مەسىھنىڭ باشقۇرۇشى ۋە پەرۋىشىدە خۇددى بەدەندىكى بوغۇم ۋە پەيلەر ئۆزئارا چىڭ تۇتاشقاندەك، ئۆزئارا بىرلىشىپ، خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. بۇ قائىدە-يوسۇنلارنىڭ ھەممىسى تۈگەيدىغان نەرسىلەر توغرىسىدا بولۇپ، پەقەتلا ئىنسانلارنىڭ بۇيرۇق ۋە تەلىملىرىدىن پەيدا بولغان. روشەنكى، كىشىلەر ئۆزلىرى ئىجاد قىلىۋالغان دىنلاردىكى مۇنداق تەقۋادارلىق، ساختا كەمتەرلىك ۋە ئۆز تېنىنى ئازابقا سالىدىغان قائىدە-يوسۇنلار دانالىقتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە گۇناھكار تەبىئىتىمىزدىكى ھەۋەسلەرنى چەكلەشتە ھېچقانداق پايدىسى يوقتۇر. ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە تىرىلگەنىكەنسىلەر، ئۇنداقتا ئەرشتىكى ئىشلارغا ئىنتىلىڭلار. ئەيسا مەسىھ ئەرشتە خۇدانىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرىدۇ. سىلەر بۇ دۇنيادىكى ئىشلارغا ئەمەس، بەلكى ئەرشتىكى ئىشلارغا باش قاتۇرۇڭلار. چۈنكى، سىلەر بۇ دۇنياغا نىسبەتەن ئۆلدۈڭلار. ھاياتىڭلار ئەيسا مەسىھ بىلەن خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا پىنھاندۇر. ھاياتىڭلارنىڭ مەنبەسى بولغان ئەيسا مەسىھ قايتىپ كەلگەندە، سىلەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە شان-شەرەپتە ئايان بولىسىلەر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزۈڭلاردىكى بۇ دۇنياغا خاس ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى، يەنى جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ناپاكلىق، شەھۋانىيلىق، رەزىل ھەۋەس ۋە ئاچكۆزلۈكلەرنى تاشلاڭلار. ئاچكۆزلۈك بۇتپەرەسلىكتىن پەرقلەنمەيدۇ. خۇدانىڭ غەزىپى مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلغۇچىلارنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ. بۇرۇن سىلەرمۇ بۇنداق ئارزۇ-ھەۋەسلەر ئىچىدە ياشاپ، رەزىل تۇرمۇش كەچۈرگەنىدىڭلار. ئەمدى بۇنداق يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تاشلاڭلار. غەزەپلىنىش، ئاچچىقلىنىش، يامان نىيەتتە بولۇش، تۆھمەت قىلىش ياكى ئەدەپسىز گەپ-سۆزلەرنى قىلىشتەك يامان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇڭلار. شۇنداقلا، بىر-بىرىڭلارغا يالغان سۆزلىمەڭلار. چۈنكى، سىلەر كونا تەبىئىتىڭلارنى بۇرۇنقى قىلمىشىڭلار بىلەن بىللە چۆرۈپ تاشلاپ، يېڭى تەبىئەتكە ئىگە بولدۇڭلار. سىلەر ياراتقۇچى خۇدانىڭ ئوبرازى بويىچە يېڭىلىنىۋاتقىنىڭلاردا، خۇداغا بولغان تونۇشۇڭلار چوڭقۇرلىشىدۇ. بۇ يېڭى ھاياتتا بىزنىڭ يەھۇدىي ياكى يەھۇدىي ئەمەس، خەتنە قىلىنغان ياكى قىلىنمىغان، مەدەنىيەتسىز ھەتتا ياۋايى، قۇل ياكى ھۆر بولۇشىمىز مۇھىم ئەمەس. مۇھىمى ئەيسا مەسىھتۇر. ئۇ بولسا ھەممىمىزنىڭ قەلبىدىدۇر. خۇدا سىلەرنى سۆيۈپ، «ئۆزۈمگە ئاتىغان خەلقىم» دەپ تاللىغانىكەن، رەھىمدىل، مېھرىبان، كەمتەر، مۇلايىم ۋە سەۋرچان بولۇڭلار. بىر-بىرىڭلارغا كەڭ قورساق بولۇڭلار. ئەگەر ئاراڭلاردا بىركىم سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارنى ئاغرىتقان بولسا، ئۇنى كەچۈرۈڭلار. رەببىمىز سىلەرنى كەچۈرگىنىدەك، سىلەرمۇ باشقىلارنى كەچۈرۈڭلار. ئەڭ مۇھىمى، مېھىر-مۇھەببەتلىك بولۇڭلار. چۈنكى، مېھىر-مۇھەببەت بىر-بىرىمىزنى باغلاپ، مۇكەممەل ئىناقلىققا باشلايدۇ. ئەيسا مەسىھ ئاتا قىلغان تىنچ-ئامانلىق قەلبىڭلارنى باشقۇرسۇن. چۈنكى، سىلەر بىر تەننىڭ ئەزالىرى بولۇپ، بۇ ئىناقلىق ئىچىدە ياشاشقا چاقىرىلدىڭلار. ھەمىشە خۇداغا شۈكۈر ئېيتىڭلار. ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىملىرى قەلبىڭلاردىن تولۇق ئورۇن ئالسۇن. بىر-بىرىڭلارغا خۇدادىن كەلگەن بارلىق ئەقىل-پاراسەت بىلەن تەلىم بېرىڭلار ۋە نەسىھەت قىلىڭلار. مىننەتدارلىققا تولغان قەلبىڭلار بىلەن خۇداغا زەبۇر مۇناجاتلىرى، مەدھىيە ناخشىلىرى ۋە مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامىدىن كەلگەن غەزەللەرنى ئېيتىڭلار. مەيلى سىلەر نېمە دەڭلار ياكى نېمە قىلىڭلار، ھەممىسىنى رەببىمىز ئەيسانىڭ نامىنىڭ ئۇلۇغلىنىشى ئۈچۈن قىلىڭلار ۋە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدائاتىمىزغا شۈكۈر ئېيتىڭلار. ئەي ئاياللار، رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئەرلىرىڭلارغا ئىتائەت قىلىڭلار. ئەي ئەرلەر، ئاياللىرىڭلارنى سۆيۈڭلار، ئۇلارغا قاتتىق مۇئامىلە قىلماڭلار. ئەي بالىلار، ھەرقانداق ئىشتا ئاتا-ئاناڭلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار. چۈنكى بۇ، رەببىمىزنى خۇرسەن قىلىدۇ. ئەي ئاتىلار، پەرزەنتلىرىڭلارغا بولغان مۇئامىلىدە ئۇلارنىڭ نەپرىتىنى قوزغاپ قويماڭلار. ئۇنداق قىلساڭلار پەرزەنتىڭلار چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ. ئەي قۇللار، بۇ دۇنيادىكى خوجايىنلىرىڭلارغا ھەممە ئىشتا بويسۇنۇڭلار. بۇنى ئۇلارنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن پەقەت ئۇلارنىڭ ئالدىدىلا ئەمەس، بەلكى ھەمىشە چىن قەلبىڭلار ۋە رەببىمىزگە بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىڭلار بىلەن قىلىڭلار. ھەرقانداق ئىش قىلغاندا، جان-دىل بىلەن قىلىڭلار. بۇنى ئادەملەر ئۈچۈن ئەمەس، رەببىمىز ئۈچۈن قىلغاندەك قىلىڭلار. ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، رەببىمىز ئۆز خەلقىگە بېرىشكە ۋەدە قىلغان مىراسنى سىلەرگە ئىنئام قىلىدۇ. چۈنكى، سىلەر ھەقىقىي خوجايىنىڭلار رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلىۋاتىسىلەر. مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يامان ئىش قىلسا، قىلغان يامان ئىشىغا يارىشا خۇدانىڭ جازاسىغا تارتىلىدۇ. چۈنكى، خۇدا ھەممە ئىنسانلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ. ئەي خوجايىنلار، قۇللىرىڭلارغا توغرا ۋە ئادىل مۇئامىلە قىلىڭلار. چۈنكى، سىلەرنىڭمۇ ئەرشتە خوجايىنىڭلار بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭلار. دۇئا قىلىشنى توختاتماڭلار. دۇئا قىلغاندا، پۈتۈن دىققىتىڭلار بىلەن دۇئا قىلىڭلار ۋە خۇداغا شۈكۈر ئېيتىڭلار. بىز ئۈچۈن يەنە شۇنداق دۇئا قىلىڭلاركى، خۇدا ئۆز خەۋىرىنى يەتكۈزۈشىمىزگە يول ئېچىپ بەرسۇن. شۇنداق بولغاندا، ئەيسا مەسىھ ھەققىدىكى ئاشكارىلىغان سىرنى جاكارلىيالايمىز. مەن ھازىر دەل مۇشۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش سەۋەبىدىن كىشەنلەندىم. مېنىڭ بۇ خۇش خەۋەرنى قولۇمدىن كېلىشچە ئېنىق چۈشەندۈرۈشۈم ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىڭلار. ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلار بىلەن ئالاقە قىلغاندا، ئەقىل-پاراسىتىڭلارنى ئىشلىتىپ، ھەربىر پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈڭلار. ئۇلارغا قىلغان گەپ-سۆزلىرىڭلار ھەمىشە يېقىملىق، ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بولسۇن. شۇنداق بولغاندا، ھەربىر ئادەمگە قانداق يول بىلەن جاۋاب بېرىشنى بىلىۋالالايسىلەر. رەببىمىز يولىدا مەن بىلەن بىللە خىزمەت قىلىۋاتقان سادىق خىزمەتكار، سۆيۈملۈك قېرىندىشىم تىكىكۇس مەن توغرۇلۇق بارلىق ئىشلارنى سىلەرگە سۆزلەپ بېرىدۇ. ئۇنى ئەھۋالىمىزنى يەتكۈزۈش ۋە سىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا ئەۋەتىمەن. سادىق، سۆيۈملۈك قېرىندىشىمىز ھەم يۇرتدىشىڭلار بولغان ئونېسىمۇسنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەۋەتىمەن. ئۇلار بۇ يەردە بولۇۋاتقان ھەممە ئىشنى سىلەرگە سۆزلەپ بېرىدۇ. مەن بىلەن بىللە زىنداندا يېتىۋاتقان بۇرادىرىم ئارىستارخۇس، شۇنداقلا بارنابانىڭ جىيەنى ماركۇستىن سىلەرگە سالام. (ئەگەر ماركۇس يېنىڭلارغا بېرىپ قالسا، ئۇنى تاپىلىغىنىمدەك كۈتۈۋېلىڭلار.) يۇستۇس دەپ ئاتىلىپ كەلگەن ئىسامۇ سىلەرگە سالام ئېيتتى. خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان خىزمەتداشلىرىم ئىچىدە يەھۇدىيلاردىن بولغان ئېتىقادچىلار پەقەت مۇشۇلارلا بولۇپ، ئۇلار ماڭا چوڭ تەسەللى بېرىشتى. ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى ۋە يۇرتدىشىڭلار بولغان ئېپافىرادىن سىلەرگە سالام. ئۇ سىلەرنىڭ ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلىشىڭلار، خۇدانىڭ پۈتكۈل ئىرادىسىگە بولغان ئىشەنچىڭلاردا چىڭ تۇرۇشۇڭلار ئۈچۈن، ھەمىشە جان-دىلى بىلەن دۇئا قىلماقتا. ئۇنىڭ سىلەر ئۈچۈن ھەمدە لائودىكىيا ۋە ھېيراپولىس شەھىرىدىكى قېرىنداشلار ئۈچۈن كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ كەلگەنلىكى توغرىسىدا سىلەرگە گۇۋاھلىق بېرىمەن. قەدىرلىك تېۋىپ لۇقا ۋە دېماسمۇ سىلەرگە سالام ئېيتتى. لائودىكىيادىكى قېرىنداشلارغا، بولۇپمۇ نىمفە خانىمغا ۋە ئۇنىڭ ئۆيىدە جەم بولىدىغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە سالام ئېيتقايسىلەر. بۇ خەت ئاراڭلاردا ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، لائودىكىيادىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئىچىدىمۇ ئوقۇلسۇن. سىلەر يەنە لائودىكىيادىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە يازغان خېتىمنىمۇ ئوقۇڭلار. ئاركىپۇسقا شۇنى ئېيتىڭلاركى، خۇدا ئۇنىڭغا تاپشۇرغان ۋەزىپىنى چوقۇم ئادا قىلسۇن. مەنكى پاۋلۇس بۇ ئاخىرقى سالامنى ئۆز قولۇم بىلەن يېزىۋاتىمەن. مېنىڭ پۇت-قوللىرىمنىڭ كىشەنلىك ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماڭلار. خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي! مەنكى پاۋلۇس ۋە مەن ئارقىلىق سىلاس ھەمدە تىموتىيدىن خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان، سالونىكا شەھىرىدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە سالام. خۇدا سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي! بىز دۇئالىرىمىزدا سىلەر ئۈچۈن دائىم خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ، سىلەرنى ياد ئېتىپ تۇرۇۋاتىمىز. خۇدائاتىمىزنىڭ ئالدىدا ئېتىقادىڭلاردىن كەلگەن ياخشى ئىشلىرىڭلارنى، مېھىر-مۇھەببىتىڭلار بىلەن سىڭدۈرگەن ئەجرىڭلارنى ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە باغلىغان ئۈمىدىڭلاردىن كەلگەن سەۋر-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بەرگەنلىكىڭلارنى دائىم ئەسلەپ تۇرۇۋاتىمىز. ئەي خۇدا سۆيگەن قېرىنداشلار، بىزگە مەلۇمكى، خۇدا سىلەرنى تاللىدى. سىلەرگە يەتكۈزگەن بۇ خۇش خەۋەرنى بىز سۆز بىلەنلا ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھتىن كەلگەن كۈچ-قۇدرەت بىلەن، شۇنداقلا خۇدانىڭ بۇ خۇش خەۋەر ئارقىلىق سىلەرنى قۇتقۇزىدىغانلىقىغا بولغان تولۇق ئىشەنچىمىز بىلەن سىلەرگە يەتكۈزدۇق. بىز سىلەر بىلەن بىللە بولغان چاغلاردا قانداق ياشىغانلىقىمىزنى سىلەر بىلىسىلەر. بۇلارنىڭ ھەممىسى سىلەرنىڭ مەنپەئىتىڭلار ئۈچۈن ئىدى. سىلەر بىزدىن، شۇنداقلا رەببىمىزدىن ئۈلگە ئالدىڭلار. چۈنكى، سىلەر ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان شاد-خۇراملىق ئىچىدە خۇدانىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلدىڭلار. نەتىجىدە، سىلەرمۇ ماكېدونىيە ۋە يۇنان ئۆلكىلىرىدىكى پۈتكۈل ئېتىقادچىلارغا ئۈلگە بولدۇڭلار. رەببىمىز ھەققىدىكى سۆزلەر سىلەردىن باشلىنىپ، ماكېدونىيە ۋە يۇنانغىلا ئەمەس، ھەممە يەرگە تارقىلىپتۇ. بىز ئۇ يەرلەرگە بارغىنىمىزدا، كىشىلەرنىڭ سىلەرنىڭ خۇداغا بولغان ئېتىقادىڭلاردىن ئاللىقاچان خەۋىرى بارلىقىنى ئۇقتۇق. شۇڭا، بىزنىڭ ئېتىقادىڭلار توغرىسىدا يەنە ئېغىز ئېچىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. بىز بارغان جايدىكى كىشىلەر سىلەرنىڭ بىزنى ئىللىق قوبۇل قىلغانلىقىڭلارنى ئاڭلىغانىدى. ئۇلار سىلەرنىڭ بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن ۋاز كېچىپ، ھايات بولغان ھەقىقىي خۇداغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا يۈزلەنگەنلىكىڭلارنى بىزگە ئېيتتى. ئۇلار يەنە بىزگە سىلەرنىڭ خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ، يەنى خۇدا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن ئەيسا مەسىھنىڭ ئەرشتىن قايتا كېلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىڭلارنى ئېيتتى. بىزلەرنى خۇدادىن كېلىدىغان غەزەپتىن قۇتقۇزغۇچى دەل ئەيسا مەسىھتۇر. قېرىنداشلار، سىلەرگە مەلۇمكى، بىزنىڭ قېشىڭلارغا بارغىنىمىز بىكارغا كەتمىدى. سىلەرگە يەنە شۇمۇ مەلۇمكى، بىز قېشىڭلارغا بېرىشتىن ئىلگىرى فىلىپى شەھىرىدە تۇرغان ۋاقتىمىزدا، ئۇ يەردە ئازاب چەكتۇق ۋە ھاقارەتكە ئۇچرىدۇق. كېيىن، سىلەرنىڭ شەھىرىڭلاردىمۇ يەنە قاتتىق قارشىلىقلارغا ئۇچرىدۇق. لېكىن، بىز خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن غەيرەتكە كېلىپ، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە يەتكۈزدۇق. بىز بۇ خۇش خەۋەرنى بىرەر ساختىلىق، يامان نىيەت ياكى ھىيلىگەرلىك بىلەن يەتكۈزۈۋاتقىنىمىز يوق. ئەمەلىيەتتە، خۇدا بىزنى لايىق كۆرۈپ، خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى بىزگە تاپشۇردى. بىز خۇش خەۋەرنى ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ قەلبىمىزنى كۆزىتىۋاتقان خۇدانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن يەتكۈزۈۋاتىمىز. سىلەرگە مەلۇمكى، بىز ھېچقاچان سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا خۇشامەت قىلغىلى ياكى نىقابلىنىپ تەمەخورلۇق قىلغىلى بارمىدۇق. بۇنىڭغا خۇدا گۇۋاھتۇر. مەيلى سىلەر بولۇڭلار ياكى باشقىلار بولسۇن، بىز ھېچكىمدىن بىرەر ماختاش تەمە قىلمىدۇق. ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىلىرىدىن بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، ياردىمىڭلارنى تەلەپ قىلىشقا ھەقلىق ئىدۇق. لېكىن، سىلەرگە خۇددى بالىلىرىنى باغرىغا باسقان مۇلايىم ئانىدەك مۇئامىلە قىلدۇق. شۇ چاغدا، سىلەرگە شۇنداق مۇھەببەت باغلىغانىدۇقكى، بىز خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنىلا ئەمەس، ئۆز جېنىمىزنىمۇ تەقدىم قىلىشقا رازى ئىدۇق. چۈنكى، سىلەرنى شۇ قەدەر ياخشى كۆرەتتۇق! قېرىنداشلار، بىزنىڭ قانداق تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىشلىگەنلىكىمىز جەزمەن ئېسىڭلاردا باردۇر. بىز ھېچقايسىڭلارغا ئېغىرىمىزنى سالماسلىق ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن كېچە-كۈندۈزلەپ ئىشلەپ تۇرمۇشىمىزنى قامدىساق، يەنە بىر تەرەپتىن خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە يەتكۈزدۇق. ئېتىقادچىلاردىن بولغان سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزنىڭ پاك، ھەققانىي ۋە ئەيىبسىز ئىكەنلىكىگە ئۆزۈڭلار گۇۋاھلىق بېرەلەيسىلەر، بۇنىڭغا خۇدامۇ گۇۋاھتۇر. سىلەرگە مەلۇمكى، بىز ھەربىرىڭلارغا ئاتا پەرزەنتىگە ئەجىر سىڭدۈرگەندەك ئەجىر سىڭدۈردۇق، سىلەرگە مەدەت بەردۇق، تەسەللى بەردۇق. سىلەرنى ئۆز پادىشاھلىقىغا ۋە شان-شەرىپىگە چاقىرغان خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىگە لايىق ياشاشقا دەۋەت قىلدۇق. خۇداغا ھەمىشە شۈكۈر ئېيتىشىمىزدىكى يەنە بىر سەۋەب شۇكى، سىلەر بىزدىن خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنى قوبۇل قىلغىنىڭلاردا، بۇ سۆزنى ئىنسانلارنىڭ سۆزى ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ سۆزى دەپ ئېتىراپ قىلدىڭلار. ئەمەلىيەتتىمۇ، بۇ سۆز خۇدانىڭ سۆزى بولۇپ، ئۇ ھازىر ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغان سىلەرگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتمەكتە. قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلارمۇ خۇداغا ئېتىقاد قىلغان ۋە ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرىگە ئوخشايدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ شۇ يەردىكى يەھۇدىيلار تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغىنىغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ئۆز يۇرتداشلىرىڭلار تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىدىڭلار. قېرىنداشلار، بىز ئامالسىز ھالدا سىلەردىن ۋاقىتلىق ئايرىلدۇق. بىز سىلەر بىلەن بىللە بولمىساقمۇ، قەلبىمىز يەنىلا سىلەر بىلەن بىللە. بىز سىلەر بىلەن يەنە بىر قېتىم دىدار كۆرۈشۈشكە ئىنتىزار بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، يېنىڭلارغا بېرىشقا ئىنتايىن تىرىشتۇق! بىزنىڭ يېنىڭلارغا بارغۇمىز كەلگەنىدى. بولۇپمۇ، مەنكى پاۋلۇس نەچچە قېتىم سىلەرنى يوقلاپ بارماقچى بولغان بولساممۇ، بىراق بۇنىڭغا شەيتان توسالغۇ بولدى. سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلاردا ئاخىرغىچە چوقۇم چىڭ تۇرىدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمىز ۋە سىلەر ئۈچۈن بەك خۇشال بولىمىز. رەببىمىز ئەيسا قايتا كەلگەندە، ئۇنىڭ ئالدىدا پەخىرلىنىدىغان تاجىمىز دەل سىلەر ئەمەسمۇ؟ بىز ھەقىقەتەن سىلەردىن پەخىرلىنىمىز، سىلەر بىزنىڭ خۇشاللىقىمىز! بىزنىڭ ئۇنى ئەۋەتىشىمىزدىكى مەقسىتىمىز، سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردىكى قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن ئېتىقادىڭلارنىڭ تەۋرىنىپ قالماسلىقى ھەمدە سىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئېتىقادىڭلارنى كۈچەيتىشتۇر. بىزنىڭ چوقۇم قىيىنچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىمىزمۇ سىلەرگە مەلۇم. بىز سىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمىزدا، ھەممىمىزنىڭ قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرايدىغانلىقىمىزنى سىلەرگە ئالدىنئالا ئېيتقانىدۇق. ئەمەلىيەتتىمۇ دېگىنىمىزدەك بولدى. شۇ سەۋەبتىن تاقىتىم تاق بولۇپ، ئېتىقادىڭلارنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، تىموتىينى يېنىڭلارغا ئەۋەتكەنىدىم. مەن شەيتاننىڭ سىلەرنى ئازدۇرۇشى ۋە بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ سىلەرگە سىڭدۈرگەن ئەجرىمىزنىڭ بىكارغا كېتىشىدىن ئەنسىرىگەنىدىم. لېكىن، يېقىندا يېنىڭلاردىن قايتىپ كەلگەن تىموتىي ئېتىقادىڭلار ۋە مېھىر-مۇھەببىتىڭلار توغرىسىدا بىزگە ياخشى خەۋەر ئېلىپ كەلدى. ئۇ سىلەرنىڭ بىزنى ھەر دائىم خۇرسەنلىك بىلەن ئەسلەپ تۇرغانلىقىڭلارنى، خۇددى بىزنىڭ سىلەرنى كۆرگۈمىز كەلگەندەك، سىلەرنىڭمۇ بىزنى كۆرگۈڭلار كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار بوشاشماپتۇ. مۇشۇنداق جاپا-مۇشەققەت ۋە قىيىنچىلىقلار ئىچىدە تۇرغان بىز بۇنىڭدىن چوڭ ئىلھام ئالدۇق. چۈنكى، رەببىمىزگە بولغان ئېتىقادىڭلار مۇستەھكەم بولغانلىقى ئۈچۈن، بىز ھەقىقەتەن يېڭىۋاشتىن روھلاندۇق، سىلەر ئۈچۈن خۇشاللىققا چۆمدۇق. بۇنداق ئەھۋالدا بىز خۇدانىڭ ئالدىدا سىلەر ئۈچۈن قانداقمۇ تەشەككۈر ئېيتماي تۇرالايمىز! سىلەر بىلەن دىدار كۆرۈشۈش ۋە ئېتىقادىڭلاردىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تۈزىتىشكە ياردەم بېرەلىشىمىز ئۈچۈن، كېچە-كۈندۈز چىن قەلبىمىزدىن خۇداغا دۇئا قىلماقتىمىز. ئاتىمىز خۇدا ۋە رەببىمىز ئەيسا بىزنىڭ سىلەر بىلەن كۆرۈشۈشىمىزگە يول ئاچقاي. رەببىمىز سىلەرنىڭ بىر-بىرىڭلارغا ۋە ھەممە ئادەملەرگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلارنى بىزنىڭ سىلەرگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىزدەك تولۇپ تاشتۇرغاي. ھەم شۇ ئارقىلىق، رەببىمىز ئەيسا ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان بارلىق مۇقەددەس خەلقى بىلەن بىللە قايتىپ كەلگىنىدە، سىلەرنىڭ ئاتىمىز خۇدانىڭ ئالدىدا ئەيىبسىز ۋە پاك بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ئىرادەڭلارنى مۇستەھكەم قىلغاي! قېرىنداشلار، ئاخىردا بىز يەنە شۇنى دېمەكچىمىزكى، خۇدانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن قانداق ياشاش كېرەكلىكىنى بىزدىن ئۆگىنىۋالدىڭلار ھەمدە سىلەر ئەمەلىيىتىڭلاردىمۇ بىزدىن ئۆگەنگىنىڭلار بويىچە شۇنداق ياشاۋاتىسىلەر. ئەمدى خۇدانى خۇرسەن قىلىشقا تېخىمۇ تىرىشىشىڭلارنى رەببىمىز ئەيسانىڭ نامى بىلەن سورايمىز. چۈنكى، سىلەر بىزنىڭ رەببىمىز ئەيسانىڭ نامى بىلەن سىلەرگە يەتكۈزگەن تەلىملىرىمىزنى بىلىسىلەر. خۇدانىڭ ئىرادىسى شۇكى، پاك بولۇڭلار ۋە جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن ساقلىنىڭلار؛ بۇ يامان ئىشلاردا قېرىنداشلىرىڭلارنى ئالداپ، ئۇلاردىن پايدىلىنىپ كەتمەڭلار. ئىلگىرى سىلەرنى ئاگاھلاندۇرغىنىمىزدەك، رەببىمىز مانا شۇنداق گۇناھلار تۈپەيلىدىن ئىنسانلارنى جازالايدۇ. چۈنكى، خۇدا بىزنى ناپاك ئەمەس، بەلكى پاك ياشاشقا چاقىردى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ تەلىمنى رەت قىلغان كىشى ئىنساننى ئەمەس، بەلكى سىلەرگە مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان خۇدانى رەت قىلغان بولىدۇ. قېرىنداشلىق مېھىر-مۇھەببىتىگە كەلسەك، بۇ توغرىسىدا سىلەرگە خەت يېزىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى، خۇدا بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشنى ئۆگەتكەن. ئەمەلىيەتتە، سىلەر پۈتۈن ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىكى قېرىنداشلارغا شۇنداق قىلىۋاتىسىلەر. شۇنداق بولسىمۇ، قېرىنداشلار، مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشتە تېخىمۇ تىرىشىشىڭلارنى سورايمىز. سىلەرگە تاپىلىغىنىمىزدەك، تىنچ-ئامان ھايات كەچۈرۈشكە، باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشماي، ئۆز ئىشىڭلار بىلەن بولۇشقا ۋە ئىككى بىلىكىڭلارغا تايىنىپ ياشاشقا تىرىشىڭلار. مانا شۇنداق قىلساڭلار، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ سىرتىدىكى كىشىلەر ئالدىدا ئىززەت-ھۆرمەتكە ئىگە بولۇپ ياشىيالايسىلەر ۋە ئىقتىساد جەھەتتە ھېچكىمگە بېقىنمايسىلەر. قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلماي ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ياشاۋاتقان كىشىلەردەك ھەسرەت چەكمەسلىكىڭلار ئۈچۈن، بىز، ئالەمدىن ئۆتكەن ئېتىقادچىلار توغرىسىدىكى ھەقىقەتتىن خەۋەردار بولۇشۇڭلارنى خالايمىز. ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلۈپ تىرىلگەنلىكىگە ئىشەنگەنىكەنمىز، ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەندە خۇدانىڭ ئالەمدىن ئۆتكەن ئېتىقادچىلارنى ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىمىز كېرەك. بىز ھازىر رەببىمىزنىڭ سۆزى بويىچە سىلەرگە شۇنى ئېيتىمىزكى، رەببىمىز قايتا كەلگەندە، بىز ھايات ياشاۋاتقانلار ھەرگىزمۇ ئۆلۈپ كەتكەن ئېتىقادچىلاردىن ئاۋۋال رەببىمىز بىلەن جەم بولالمايمىز. رەببىمىز ئۆزى بىر پەرمان ئارقىلىق باش پەرىشتىنىڭ ئاۋازى ۋە خۇدا ياڭراتقان كاناي ساداسى بىلەن ئاسماندىن چۈشىدۇ. ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئاۋۋال تىرىلىدۇ. كېيىن ھايات ياشاۋاتقان بىزلەر، يەنى بۇ دۇنيادا ھايات كەچۈرۈۋاتقانلار ئاشۇ ئۆلگەنلەر بىلەن بىرلىكتە رەببىمىز بىلەن ئاسماندا كۆرۈشۈش ئۈچۈن، بۇلۇتلار ئارىسىغا كۆتۈرۈلىمىز. شۇنىڭدىن كېيىن، رەببىمىز بىلەن مەڭگۈ بىرگە بولىمىز. شۇڭا، بىر-بىرىڭلارنى بۇ سۆزلەر بىلەن رىغبەتلەندۈرۈڭلار. قېرىنداشلار، سىلەرگە بۇ ئىشلارنىڭ قاچان يۈز بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا يېزىشىم ھاجەتسىز. چۈنكى، سىلەرمۇ ياخشى بىلىسىلەر، رەببىمىزنىڭ قايتا كېلىدىغان كۈنى خۇددى كېچىدىكى ئوغرىنىڭ كېلىشىگە ئوخشاش تۇيۇقسىز كېلىدۇ. كىشىلەر «دۇنيا تىنچ-ئامان» دەپ تۇرغاندا، تاسادىپىي ئۇلارغا ھالاكەت كېلىدۇ. بۇ خۇددى ھامىلىدار ئايالنىڭ تولغىقى ئۇشتۇمتۇت تۇتقىنىغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. لېكىن، قېرىنداشلار، سىلەر ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن، قاراڭغۇلۇقتا ئەمەسسىلەر. شۇڭا، ئۇ كۈن سىلەرنى ئوغرىغا ئوخشاش چۆچۈتۈپ كەلمەيدۇ. بىز ھەممىمىز كۈندۈزنىڭ، يەنى يورۇقلۇقنىڭ پەرزەنتلىرىمىز. ھەممىمىز كېچىنىڭ، يەنى گۇناھنىڭ قاراڭغۇلۇقىغا مەنسۇپ ئەمەسمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلاردەك ئۇخلاپ ياتمايلى. ئەكسىچە، سەگەك ۋە ھوشيار بولايلى. ئۇخلايدىغانلار كېچىسى ئۇخلايدۇ، مەس بولىدىغانلارمۇ كېچىسى مەس بولىدۇ. يورۇقلۇققا مەنسۇپ بولغان بىزلەر بولساق ئۈستىمىزگە ئېتىقاد ۋە مېھىر-مۇھەببەت ساۋۇتىنى، بېشىمىزغا قۇتقۇزۇلۇش ئۈمىدىنىڭ دۇبۇلغىسىنى كىيىپ، ئۆزىمىزنى سەگەك تۇتۇشىمىز كېرەك. چۈنكى، خۇدا بىزنى ئۆز غەزىپىگە ئۇچرىسۇن دەپ ئەمەس، بەلكى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلسۇن، دەپ تاللىغاندۇر. ئەيسا مەسىھ بىز ئۈچۈن ئۆلدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت، ئۇ قايتا كەلگەندە، بىز مەيلى ھايات ياكى ئۆلگەن بولايلى، بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە مەڭگۈ ياشىشىمىز ئۈچۈندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھازىرمۇ بىر-بىرىڭلارنى بۇرۇنقىغا ئوخشاش داۋاملىق رىغبەتلەندۈرۈپ، بىر-بىرىڭلارنىڭ ئېتىقادىنى كۈچەيتىڭلار. قېرىنداشلار، ئاراڭلاردا جاپالىق ئىشلەۋاتقان ۋە رەببىمىزنىڭ يولىدا سىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، نەسىھەت قىلىۋاتقانلارنى قەدىرلىشىڭلارنى سورايمىز. ئۇلارنىڭ بۇ خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە مۇھەببىتىڭلار بىلەن مۇئامىلە قىلىڭلار. بىر-بىرىڭلار بىلەن ئىناق ئۆتۈڭلار. قېرىنداشلار، سىلەردىن ئۆتۈنىمىزكى، بىكار تەلەپلەرنى ئويغىتىڭلار، يۈرەكسىزلەرنى رىغبەتلەندۈرۈڭلار، ئاجىزلىقى بولغانلارغا يار-يۆلەك بولۇڭلار ۋە ھەممە ئادەمگە سەۋرچان بولۇڭلار. ھېچقايسىڭلار يامانلىققا يامانلىق قايتۇرماڭلار. ئەكسىچە، بىر-بىرىڭلارغا ۋە بارلىق كىشىلەرگە ھەمىشە ياخشىلىق قىلىشنى نىيەت قىلىڭلار. ھەر دائىم خۇشال-خۇرام بولۇڭلار. ھەمىشە دۇئا قىلىڭلار. ھەرقانداق ئەھۋالدا خۇداغا شۈكۈر ئېيتىڭلار. چۈنكى، مانا بۇلار خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان سىلەرگە قاراتقان ئىرادىسىدۇر. مۇقەددەس روھنىڭ قەلبىڭلاردىكى ئوتىنى ئۆچۈرمەڭلار. ئاراڭلاردا يەتكۈزۈلگەن ۋەھىيلەرگە سەل قارىماڭلار. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، ھەقىقەتەن خۇدادىن كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىكىنى پەرق ئېتىپ، خۇدادىن كەلگەن ۋەھىينى قوبۇل قىلىڭلار. ھەر خىل يامانلىقلاردىن يىراق تۇرۇڭلار. بىزگە ئامانلىق ئاتا قىلغۇچى خۇدا ئۆزى سىلەرنى تەلتۆكۈس پاك قىلغاي. رەببىمىز ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگۈچە خۇدا روھىڭلار، جېنىڭلار ۋە تېنىڭلارنى ئەيىبسىز ساقلىغاي. سىلەرنى چاقىرغان خۇدا جەزمەن شۇنداق قىلىدۇ. ئۇ ئىشەنچلىكتۇر! قېرىنداشلار، بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار. ھەممە قېرىنداشلار بىلەن مېھرىبانلارچە سالاملىشىڭلار. رەببىمىزنىڭ نامى بىلەن سىلەرنىڭ بۇ خەتنى شۇ يەردىكى ھەممە قېرىنداشلارغا ئوقۇپ بېرىشىڭلارنى تاپىلايمەن. رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي! مەنكى، پاۋلۇس ۋە مەن ئارقىلىق سىلاس ھەمدە تىموتىيدىن خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولۇپ، سالونىكا شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە سالام. خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي! قېرىنداشلار، سىلەر ئۈچۈن خۇداغا ھەر دائىم شۈكۈر ئېيتىشنى بۇرچىمىز دەپ بىلىمىز. چۈنكى، ئېتىقادىڭلار بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ، بىر-بىرىڭلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭلارمۇ چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ. شۇڭا، بىز خۇداغا مەنسۇپ بولغان ھەرقايسى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئارىسىدا سىلەردىن پەخىرلىنىمىز. چۈنكى، سىلەر بېشىڭلارغا كەلگەن ھەر خىل زىيانكەشلىك ۋە قىيىن ئەھۋاللارغا بەرداشلىق بەردىڭلار ۋە ئېتىقادىڭلاردىن تەۋرەنمىدىڭلار. سىلەرنىڭ بۇنداق قىيىن ئەھۋاللاردا ئېتىقادىڭلاردىن تەۋرەنمىگەنلىكىڭلار خۇدانىڭ قىيامەت كۈنىدە چىقىرىدىغان ھۆكۈمىنىڭ ئادىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، خۇدا سىلەرنىڭ قىيىن ئەھۋاللاردىمۇ ئېتىقادىڭلاردا چىڭ تۇرىدىغانلىقىڭلاردىن سىلەرنى ئۆز پادىشاھلىقىدا ياشاشقا لايىق ھېسابلايدۇ. سىلەر مانا شۇ پادىشاھلىق ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت چېكىۋاتىسىلەر. خۇدا ئادىلدۇر. ئۇ سىلەرگە ئازاب-ئوقۇبەت كەلتۈرگەنلەرنىڭ تېگىشلىك جازاسىنى بېرىدۇ. شۇنداقلا، رەببىمىز ئەيسا قۇدرەتلىك پەرىشتىلەر ۋە يالقۇنلۇق ئوت بىلەن ئەرشتىن قايتا كەلگەن چاغدا، خۇدا ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن سىلەرگە ۋە بىزگە ئاراملىق بېرىدۇ. شۇ چاغدا، رەببىمىز ئەيسا خۇدانى تونۇشنى خالىمىغانلارنى ۋە ئۆزى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلمىغانلارنى جازالايدۇ. بۇنداق كىشىلەرنىڭ جازاسى مەڭگۈلۈك ھالاكەتتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار رەببىمىزدىن ۋە ئۇنىڭ ئۇلۇغ كۈچ-قۇدرىتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا، رەببىمىز ئۆزىنىڭ مۇقەددەس خەلقى تەرىپىدىن ئۇلۇغلىنىدۇ ۋە مەدھىيىلىنىدۇ. شۇنداقلا، سىلەرمۇ بىز يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرگە ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، رەببىمىزنى مەدھىيىلىگەنلەر ئارىسىدا بولىسىلەر. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز دائىم شۇنداق دۇئا قىلىمىزكى، سىلەرنى چاقىرغان خۇدا بۇ ئۇلۇغ چاقىرىقىغا مۇناسىپ ياشىشىڭلارغا ياردەم قىلغاي. ئۇ ئۆز كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ياخشى نىيىتىڭلارنى ھەمدە ئېتىقادىڭلار بىلەن قىلغان ھەممە ئىشىڭلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغاي. بۇنىڭ بىلەن، رەببىمىز ئەيسا مەسىھ سىلەر ئارقىلىق ئۇلۇغلىنىدۇ ۋە سىلەرمۇ ئۇ ئارقىلىق شان-شەرەپكە ئېرىشىسىلەر. بۇ، خۇدانىڭ ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن كېلىدۇ. قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ قايتا كېلىدىغان ھەمدە بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدىغان كۈنىمىز توغرىسىدا سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنۈپ سورايمىزكى، ئەگەر سىلەر «رەببىمىزنىڭ قايتىپ كېلىدىغان كۈنى يېتىپ كەلدى» دېگەن سۆزنى ئاڭلىساڭلار، ھودۇقۇپ كەتمەڭلار، قورقۇپمۇ كەتمەڭلار. بۇنداق سۆزنى قىلغۇچىلار مەيلى ئۇنى خۇدادىن كەلگەن ۋەھىيدىن ياكى باشقىلارنىڭ تەلىمىدىن ئاڭلىدۇق ياكى بولمىسا بىزنىڭ نامىمىزدا يېزىلغان خەتلەردىن كۆردۇق دېسىمۇ، ئۇنىڭغا ئىشەنمەڭلار. ھەرقانداق ئادەم ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن سىلەرنى ئالداپ كەتمىسۇن. چۈنكى، ئاخىر زاماندا خۇداغا قارشى چوڭ توپىلاڭ يۈز بەرمىگۈچە ۋە مەڭگۈلۈك ھالاكەتكە مەھكۇم قىلىنغۇچى، يەنى «خۇداغا قارشى چىققۇچى» ئاشكارىلانمىغۇچە، بۇ كۈن يېتىپ كەلمەيدۇ. خۇداغا قارشى چىققۇچى خۇدا دەپ ئاتالغان ياكى كىشىلەر چوقۇنىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە قارشى چىقىپ، ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قىلىپ كۆرسىتىدۇ، ھەتتا خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئولتۇرۇپ، ئۆزىنى خۇدا، دەپ جاكارلايدۇ. بۇلارنى مەن سىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمدا ئېيتقانلىقىم ئېسىڭلاردا باردۇ؟ خۇداغا قارشى چىققۇچىنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى ھازىرغىچە نېمىنىڭ توسۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىسىلەر. ئۇ پەقەت خۇدا بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ئاشكارىلىنىدۇ. خۇداغا قارشى چىققۇچى شەيتاننىڭ كۈچى بىلەن كېلىپ، ھەر خىل كۈچ-قۇدرەت، ئادەم ئازدۇرىدىغان مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىدۇ ھەمدە مەڭگۈلۈك ھالاكەتكە يۈزلەنگەنلەرنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل ھىيلە-مىكىرلەرنى ئىشلىتىدۇ. ئۇلار مەڭگۈ ھالاك بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇلۇشقا يېتەكلەيدىغان ھەقىقەتنى قوبۇل قىلمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، خۇدا ئۇلارغا ھەقىقەتتىن چەتنىتىدىغان بىر كۈچ ئەۋەتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار يالغان گەپلەرگە ئىشىنىدۇ. نەتىجىدە، ھەقىقەتكە ئىشەنمەي، يامان ئىشلارنى قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىڭ ھەممىسى جازاغا مەھكۇم قىلىنىدۇ. ئەي، رەببىمىز سۆيگەن قېرىنداشلار، سىلەر ئۈچۈن ھەر دائىم خۇداغا شۈكۈر ئېيتىشنى بۇرچىمىز دەپ بىلىمىز. سەۋەبى، سىلەرنىڭ مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن پاك قىلىنىشىڭلار ۋە ھەقىقەتكە ئىشىنىشىڭلار ئارقىلىق خۇدا سىلەرنى قۇتقۇزۇلۇشقا ئالدىن تاللىدى. خۇدا سىلەرنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ شان-شەرىپىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، بىز يەتكۈزگەن خۇش خەۋەر ئارقىلىق قۇتقۇزۇلۇشقا چاقىردى. شۇنىڭ ئۈچۈن، قېرىنداشلار، ئېتىقادىڭلاردا قەتئىي تەۋرەنمەڭلار، بىز سىلەرگە ئېغىزچە ياكى خەت ئارقىلىق يەتكۈزگەن تەلىمدە چىڭ تۇرۇڭلار! قېرىنداشلار، سۆزىمىزنىڭ ئاخىرىدا بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. رەببىمىز ھەققىدىكى خۇش خەۋەر خۇددى سىلەرگە يەتكەن چاغدىكىگە ئوخشاش، ھەرقانداق يەردە تېز تارقالسۇن ۋە ھۆرمەت بىلەن قوبۇل قىلىنسۇن. خۇدانىڭ بىزنى رەزىل ۋە يامان ئادەملەردىن قۇتۇلدۇرۇشى ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىڭلار. چۈنكى، ھەممىلا ئادەم رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغىنى يوق. ئەمما، رەببىمىز ئىشەنچلىكتۇر. ئۇ سىلەرنى مۇستەھكەم قىلىدۇ ھەم شەيتاننىڭ يامانلىقلىرىدىن ساقلايدۇ. خۇدا سىلەرنىڭ بۇيرۇغانلىرىمىزنى قىلىۋاتقانلىقىڭلار ۋە داۋاملىق قىلىدىغانلىقىڭلار ھەققىدە بىزگە ئىشەنچ بەردى. رەببىمىز ئەيسا سىلەرنى خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشكە يېتەكلىگەي ۋە سىلەرنى ئۆزىگە ئوخشاش چىداملىق قىلغاي. قېرىنداشلار، بىزدىن ئالغان تەلىملەرگە رىئايە قىلماي، كۈن بويى لاغايلاپ يۈرگەنلەردىن يىراق تۇرۇشۇڭلارنى رەببمىز ئەيسانىڭ نامى بىلەن بۇيرۇيمىز. بىزدىن قانداق ئۈلگە ئېلىشىڭلار كېرەكلىكىنى ئۆزۈڭلار بىلىسىلەر. چۈنكى، بىز سىلەر بىلەن بىللە بولغاندا، ھۇرۇنلۇق قىلىپ، لاغايلاپ يۈرمىگەنىدۇق. ھېچكىمنىڭ نېنىنى بىكارغا يېمىگەنىدۇق. بىز ھېچقايسىڭلارغا ئېغىرىمىزنى سالماسلىق ئۈچۈن، تىرىشىپ-تىرمىشىپ، كېچە-كۈندۈزلەپ ئىشلىگەنىدۇق. بۇنداق قىلىشىمىز، سىلەردىن ياردەم سوراشقا ھەقلىق بولمىغانلىقىمىزدىن ئەمەس، بەلكى سىلەرگە ياخشى ئۈلگە قالدۇرۇش ئۈچۈن ئىدى. بىز سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا بولغىنىمىزدا، سىلەرگە: «ئىشلىمىگەن چىشلىمەيدۇ!» دېگەنىدۇق. لېكىن، ئاراڭلاردا بەزىلەرنىڭ ھېچ ئىش قىلماي لاغايلاپ يۈرگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق. ئۇلار بىكارچىلىقتا باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ يۈرۈپتۇ. بۇنداقلارغا رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن شۇنداق بۇيرۇيمىز ۋە ئۇلاردىن ئۆتۈنۈپ سورايمىزكى، تىنچ ياشاپ، ئەمگىكىڭلار بىلەن نان تېپىپ يەڭلار. لېكىن سىلەر، قېرىنداشلار، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن بوشاشماڭلار. ئەگەر ئۇشبۇ خېتىمىزدىكى سۆزلەرنى قوبۇل قىلمايدىغانلار بولسا، ئۇلاردىن ھەزەر ئەيلەڭلار، ئۇلارنى ئۇيالدۇرۇش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن ئارىلاشماڭلار. بىراق، ئۇلارنى دۈشمەن قاتارىدا كۆرمەي، ئەكسىچە ئۇلارغا بىر قېرىنداش سۈپىتىدە نەسىھەت قىلىڭلار. ئامانلىقنىڭ مەنبەسى بولغان رەببىمىز ھەر ۋاقىت ھەر جايدا سىلەرگە ئامانلىق ئاتا قىلغاي. رەببىمىز ھەممىڭلار بىلەن بىللە بولغاي! مەنكى پاۋلۇس بۇ ئاخىرقى سالىمىمنى ئۆز قولۇم بىلەن يازدىم. بۇ، مېنىڭ ھەممە خەتلىرىمنىڭ ئۆزىگە خاس بەلگىسىدۇر. مانا بۇ، مېنىڭ ئۆز قەلىمىمدۇر. رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ھەممىڭلارغا يار بولغاي! قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدانىڭ ۋە ئۈمىدىمىز بولغان ئەيسا مەسىھنىڭ ئەمرى بىلەن ئۇنىڭ ئەلچىسى بولۇشقا تاللانغان مەنكى پاۋلۇستىن ئېتىقاد يولىدا ئۆز ئوغلۇمدەك بولۇپ قالغان تىموتىيغا سالام. خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ساڭا مېھىر-شەپقەت، رەھىمدىللىك ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي! ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە بارغاندا ساڭا ئېيتقىنىمدەك، سېنىڭ داۋاملىق ئەفەس شەھىرىدە قېلىپ، ئاراڭلاردىكى بەزى كىشىلەرنىڭ ناتوغرا تەلىملەرنى تارقىتىشىنى توسۇشۇڭنى سورايمەن. ئۇلارغا ئەپسانىلەر ۋە ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا سوزۇلغان نەسەبنامىلەر بىلەن ۋاقتىنى ئىسراپ قىلماسلىقىنى بۇيرۇغىن. بۇلار پەقەت بىمەنە تالاش-تارتىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنداقلا ئېتىقاد بىلەن قىلىنىدىغان خۇدا يولىدىكى ئىشلارنى قىلىشقا پايدىسىز بولىدۇ. خۇدا يولىدا مېڭىش پەقەت ئېتىقاد ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. بىزنىڭ بۇنداق بۇيرۇق قىلىشىمىزدىن مەقسەت، پاك قەلب، ساپ ۋىجدان ۋە چىن ئېتىقادتىن كېلىپ چىققان مېھىر-مۇھەببەتنى باشقىلارغا كۆرسىتىشىڭلار ئۈچۈندۇر. بەزى كىشىلەر بۇ تەلىمدىن چەتنەپ، بىمەنە گەپلەرنى قىلىپ يۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن تەۋرات قانۇنىنىڭ ئۆلىماسى، دەپ ئاتالغۇسى بار. بىراق، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ياكى ئۆزلىرىنىڭ ئىشەنچ بىلەن ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدۇ. بىزگە مەلۇمكى، ئەگەر كىشىلەر تەۋرات قانۇنىنى توغرا قوللانسا، ئۇ پايدىلىقتۇر. بىز يەنە شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، تەۋرات قانۇنى خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە بويسۇنىدىغان ئادەملەر ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ناتوغرا ئىشلارنى قىلغۇچىلار ئۈچۈن تۈزۈلگەندۇر، يەنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار، بوينى قاتتىقلار، خۇدا يولىدا ماڭمىغانلار، گۇناھكارلار، خۇداغا بىپەرۋالىق قىلغۇچىلار، خۇدانى مەسخىرە قىلغۇچىلار، ئاتا-ئانىسىنى ياكى باشقىلارنى ئۆلتۈرگەن قاتىللار، زىناخورلار، ئوخشاش جىنستىكى بۇزۇقلار، قۇل سودىگەرلىرى، يالغانچىلار، قەسەمخورلار ۋە باشقا قىلمىشلار بىلەن توغرا تەلىملەرگە خىلاپلىق قىلغان كىشىلەر ئۈچۈن تۈزۈلگەندۇر. بۇ تەلىملەر مەدھىيىلەشكە مۇناسىپ بولغان خۇدا تەرىپىدىن ماڭا ئامانەت قىلىنغان ئۇلۇغ خۇش خەۋەرگە ئاساسلانغان. ماڭا كۈچ-قۇدرەت بەرگەن رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە شۈكۈر ئېيتىمەن. چۈنكى، ئۇ مېنى ئىشەنچلىك دەپ قاراپ، ئۆز خىزمىتىگە تەيىنلىدى. مەن بۇرۇن ئەيسا مەسىھكە كۇپۇرلۇق قىلىپ، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا زىيانكەشلىك قىلغان رەھىمسىز بىر ئادەم بولساممۇ، ئۇ يەنىلا ماڭا رەھىم قىلدى. چۈنكى، مەن بۇ ئىشلارنى نادانلىق ۋە ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادسىزلىقتىن قىلغانىدىم. رەببىمىز ماڭا مول مېھىر-شەپقىتىنى كۆرسىتىپ، مېنى ئەيسا مەسىھتىن كېلىدىغان ئېتىقاد ۋە مېھىر-مۇھەببەت بىلەن تولدۇردى. «ئەيسا مەسىھ گۇناھكارلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دۇنياغا كەلدى» دېگەن بۇ سۆز ھەقتۇر ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىشقا پۈتۈنلەي ئەرزىيدۇ. مەن گۇناھكارلار ئىچىدىكى ئەڭ ئۇچىغا چىققان گۇناھكار بولىمەن. لېكىن، ئەيسا مەسىھ ماڭا رەھىم-شەپقەت قىلدى. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئۇ ئۆزىنىڭ مەندەك ئۇچىغا چىققان بىر گۇناھكارغا چەكسىز سەۋر-تاقەت كۆرسىتىشى ئارقىلىق باشقىلارغا ئۈلگە قالدۇرۇشتۇر، يەنى بۇ كېيىن ئۆزىگە ئېتىقاد قىلىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدىغانلارغا بېرىلگەن ئۈلگىدۇر. بارلىق ھۆرمەت ۋە شان-شەرەپ خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپتۇر. ئۇ مەڭگۈلۈك پادىشاھ، يەنى ئۆلمەيدىغان ۋە كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان بىردىنبىر خۇدادۇر، ئامىن! ئەي، ئوغلۇم تىموتىي، بۇرۇن سەن توغرۇلۇق ئېيتىلغان ۋەھىيلەرگە ئاساسەن بۇ بۇيرۇقلارنى ساڭا تاپشۇرىمەن. بۇ ۋەھىيلەرنى قورال قىلساڭ، رەببىمىز ئۈچۈن ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلالايسەن. ئېتىقادتا ۋە پاك ۋىجدانىڭدا چىڭ تۇر. بەزىلەر پاك ۋىجدانىنى بىر ياققا قايرىپ قويدى. نەتىجىدە، ئۇلارنىڭ ئېتىقادى خۇددى خادا تاشقا ئۇرۇلغان كېمىگە ئوخشاش ۋەيران بولدى. ئىمېنېي ۋە ئىسكەندەرلەر مانا شۇنداق كىشىلەردىندۇر. ئۇلارنى كۇپۇرلۇق قىلماسلىقنى ئۆگەنسۇن دەپ، شەيتاننىڭ ئىلكىگە قايتۇردۇم. ئالدى بىلەن سەندىن ۋە بارلىق ئېتىقادچىلاردىن پۈتكۈل ئىنسان ئۈچۈن خۇدادىن تىلەكلەر تىلەشنى، خۇداغا دۇئا-تىلاۋەت قىلىشنى، باشقىلار ئۈچۈن مۇراجىئەت قىلىشنى ۋە خۇداغا شۈكۈرلەر ئېيتىشنى، بولۇپمۇ پادىشاھلار ۋە بارلىق ئەمەلدارلار ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلىشنى ئۆتۈنىمەن. بۇنداق بولغاندا، بىز ئامان-ئېسەن ھايات كەچۈرەلەيمىز. شۇنداقلا، ھاياتىمىز خۇداغا بولغان ئىخلاسمەنلىك ۋە ھۆرمەت بىلەن تولىدۇ. بۇنداق دۇئا-تىلاۋەت قىلىش ياخشىدۇر. ئۇ، قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ. خۇدا پۈتكۈل ئىنساننىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ۋە ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى تونۇشىنى خالايدۇ. چۈنكى، خۇدا بىردۇر، خۇدا بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدىكى كېلىشتۈرگۈچىمۇ بىردۇر. ئۇ بولسىمۇ ئىنسان تېنىدە دۇنياغا كەلگەن ئەيسا مەسىھتۇر. ئىنسانلارنىڭ گۇناھتىن ئازاد بولۇشى ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھ ئۆزىنى قۇربان قىلىپ بەدەل تۆلىدى. خۇدا بۇنىڭغا دەل ۋاقىت-سائىتىدە گۇۋاھلىق بەردى. مەن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە بۇ ئىشلارنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن جاكارچى ۋە ئەلچى بولۇپ تەيىنلىنىپ، ئۇلارغا ئېتىقاد ۋە ھەقىقەتنى ئۆگىتىشكە ئەۋەتىلدىم. مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسى راست، مەن يالغان گەپ قىلمىدىم. شۇڭا، مەن شۇنى ئۈمىد قىلىمەنكى، ئېتىقادچى ئەرلەر مەيلى قەيەردە بولسۇن، ھەر قېتىم دۇئاغا جەم بولغاندا باشقىلارغا غەزەپلەنمەي، دەتالاش قىلماي، توغرا ئەمەللىك قوللىرىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلسۇن. ئاياللار چاكىنا كىيىنمەي، مۇۋاپىق ۋە ئەخلاقلىق كىيىنىشى كېرەك. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئالاھىدە ياسىۋالغان چاچلىرى، ئالتۇن-كۈمۈش، ئۈنچە-مەرۋايىت ۋە ئېسىل كىيىم-كېچەكلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى ياخشى ئەمەلىيىتى بىلەن پەردازلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ، خۇدا يولىدا ماڭىمەن دەيدىغان ئاياللارغا يارىشىدۇ. ئېتىقادچىلار جەم بولۇپ تەلىم ئالغاندا، ئاياللار تىنچ ئولتۇرۇپ، ئىتائەتمەنلىك بىلەن تەلىم ئالسۇن. ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە تەلىم بېرىشى ياكى ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرۈشىگە رۇخسەت قىلمايمەن. ئەكسىچە، ئۇلار تىنچ ئولتۇرۇپ تەلىم ئالسۇن. چۈنكى، ئاۋۋال ئادەم~ئاتا، كېيىن ھاۋا~ئانا يارىتىلغان. ئاۋۋال شەيتان تەرىپىدىن ئازدۇرۇلغان ئادەم~ئاتا ئەمەس، بەلكى ھاۋا~ئانا بولۇپ، ئۇ گۇناھ سادىر قىلغان. لېكىن، ئاياللار ھاۋا~ئانىنىڭ نەسلىدىن تۇغۇلغان ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلىدۇ. بىراق، ئۇلار چوقۇم ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇپ، مېھىر-مۇھەببەتلىك بولۇپ، پاك ۋە ئەخلاقلىق ياشىشى كېرەك. «ئەگەر بىر كىشى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە باشلامچى بولۇشقا ئىنتىلسە، ئۇ ياخشى بىر ۋەزىپىنى ئارزۇ قىلغان بولىدۇ» دېگەن بۇ سۆز ھەقتۇر. جامائەتچىلىك باشلامچىسى بولسا ئەيىبلىنىدىغان تەرىپى بولمىغان، ئايالىغا سادىق، ئۆزىنى تۇتۇۋالغان، سالماق، ھۆرمەتكە سازاۋەر، مېھماندوست، باشقىلارغا خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرەلەيدىغان بولۇشى، شۇنداقلا، ھاراقكەش ۋە زوراۋان بولماسلىقى، خۇش پېئىل، گەپ تالاشمايدىغان، ئۆزىنى مال-دۇنياغا ئۇرمايدىغان كىشى بولۇشى، ئۆز ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇرالايدىغان بولۇشى، پەرزەنتلىرىنى ئۆز ئاتا-ئانىسىغا ھۆرمەت بىلەن بويسۇنىدىغان قىلىپ تەربىيىلىيەلەيدىغان كىشى بولۇشى كېرەك. چۈنكى، ئۆز ئائىلىسىنى باشقۇرۇشنى بىلمەيدىغان كىشى خۇدانىڭ جامائەتچىلىكىنىڭ ھالىدىن قانداقمۇ خەۋەر ئالالىسۇن؟ جامائەتچىلىك باشلامچىسى يېڭى ئېتىقادچىلاردىن بولماسلىقى كېرەك. ئەگەر ئۇنداق بولسا، ئۇ تەكەببۇرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. بۇنىڭ بىلەن، ئۇمۇ شەيتانغا ئوخشاش تەكەببۇرلاشقانلىقى ئۈچۈن، خۇدانىڭ سورىقىغا ئۇچرايدۇ. ئۇ جامائەتچىلىكنىڭ سىرتىدىمۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا، باشقىلار ئۇنى ئەيىبلىيەلمەيدۇ ۋە شەيتانمۇ ئۇنى ئالدام خالتىسىغا چۈشۈرەلمەيدۇ. خۇددى جامائەتچىلىكنىڭ باشلامچىلىرىگە ئوخشاش، جامائەتچىلىكنىڭ خىزمەتچىلىرىمۇ ئېسىل پەزىلەتلىك، سەمىمىي گەپ قىلىدىغان، ھاراق-شارابقا بېرىلمەيدىغان، مال-دۇنياغا تەمەخور بولمايدىغان كىشىلەردىن بولۇشى، پاك ۋىجدانى بىلەن ئېتىقادنىڭ چوڭقۇر ھەقىقىتىدە چىڭ تۇرالايدىغان بولۇشى لازىم. بۇنداق ئادەملەرنى ئالدى بىلەن سىناپ كۆرۈپ، ئەيىبلىنىدىغان تەرەپلىرى بولمىسا، ئاندىن ۋەزىپىگە قويۇش كېرەك. خۇددى شۇنىڭدەك، بۇ خىزمەتچىلەرنىڭ ئاياللىرىمۇ ئېسىل پەزىلەتلىك، پىتنە-پاسات قىلمايدىغان، ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ۋە ھەرقانداق ئىشتا ئىشەنچلىك بولغانلاردىن بولۇشى لازىم. خىزمەتچىلەر ئۆز ئايالىغا سادىق، ئۆز پەرزەنتلىرى ۋە ئۆز ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇرىدىغان كىشىلەردىن بولسۇن. جامائەتچىلىك ئىچىدە ئۆز ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇندىغان خىزمەتچىلەر باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشتىكى ئىشەنچىمۇ زور ئاشىدۇ. مەن گەرچە سېنى تېزرەك يوقلاپ بېرىشنى ئارزۇ قىلساممۇ، يەنىلا بۇ خەتنى يازدىم. ئەگەر مەن يېنىڭغا ۋاقتىدا بارالمىسام، بۇ خېتىم ساڭا خۇدانىڭ ئائىلىسى ئىچىدە قانداق ياشاش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ ئائىلە بولسا مەڭگۈ ھايات خۇداغا مەنسۇپ بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدۇر. بۇ جامائەتچىلىك ھەقىقەتنىڭ تۈۋرۈكى ۋە ئاساسىدۇر. ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئېتىقادىمىزنىڭ سىرى بۈيۈكتۇر: ئەيسا مەسىھ ئىنسان تېنىدە ئايان بولدى، مۇقەددەس روھ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئىسپاتلىدى، ئۇ پەرىشتىلەرگە كۆرۈندى، ئۇ توغرىسىدىكى خەۋەر پۈتكۈل مىللەتلەرگە جاكارلاندى، ئىنسانلار ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى، ئۇ ئۇلۇغلۇق ئىچىدە ئەرشكە كۆتۈرۈلدى. مۇقەددەس روھ شۇنى بىزگە ئوچۇق ئېيتىدۇكى، ئاخىر زاماندا بەزىلەر ئېتىقادتىن تېنىپ، ھىيلىگەر جىنلار ۋە ئۇلارنىڭ ساختا تەلىملىرىگە ئەگىشىدۇ. بۇنداق تەلىملەر ۋىجدانى يوقاپ كەتكەن يالغانچى ساختىپەزلەر تەرىپىدىن دۇنياغا تارقىلىدۇ. بۇ يالغانچىلار نىكاھلىنىشنى ۋە بەزى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنى مەنئى قىلىدۇ. ھالبۇكى، بۇ يېمەكلىكلەرنى خۇدا ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغان ھەم ھەقىقەتنى بىلىدىغانلارنىڭ شۈكۈر ئېيتىپ قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن ياراتقان. خۇدا ياراتقان ھەممە نەرسە ياخشىدۇر. ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى چەكلەنگەن ئەمەس، ئۇلارنى شۈكۈر ئېيتىپ قوبۇل قىلسا بولىدۇ. چۈنكى، ھەممە نەرسە خۇدانىڭ سۆزى ۋە ئىنسانلارنىڭ دۇئاسى بىلەن ھالال بولىدۇ. بۇ نەسىھەتلەرنى قېرىنداشلىرىڭنىڭ سەمىگە سالساڭ، ئەيسا مەسىھنىڭ ياخشى خىزمەتكارى بولغان بولىسەن. شۇنداقلا، سېنىڭ ئۆزۈڭ ئەگەشكەن ئېتىقاد توغرىسىدىكى ھەقىقەت ۋە توغرا تەلىملەر بىلەن ئوزۇقلانغانلىقىڭ ئايان بولىدۇ. خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى بۇرمىلايدىغان بىمەنە ئەپسانىلەرنى رەت قىلىپ، ئۆزۈڭنى ئىخلاسمەنلىك يولىدا يېتىلدۈرگىن. بەدەننى يېتىلدۈرۈشنىڭ پايدىسى بار، ئەلۋەتتە. لېكىن، ئىخلاسمەنلىكنى يېتىلدۈرۈشنىڭ پايدىسى تېخىمۇ كۆپتۇر. چۈنكى ئۇ، بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيادىكى ھايات ئۈچۈن بەخت ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ سۆزلەر ھەقتۇر ۋە پۈتۈنلەي قوبۇل قىلىشقا ئەرزىيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتىمىز ۋە كۈرەش قىلىۋاتىمىز. چۈنكى، ئۈمىدىمىزنى پۈتكۈل ئىنساننىڭ، بولۇپمۇ ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى - مەڭگۈ ھايات خۇداغا باغلىدۇق. بۇ ئىشلارنى قېرىنداشلىرىڭغا تاپىلىغىن ۋە ئۆگەتكىن. باشقىلار سېنى ياش، دەپ ساڭا سەل قارىمىسۇن. سەن سۆزلىرىڭدە، ئەمەلىيىتىڭدە مېھىر-مۇھەببەت، ئېتىقاد ۋە پاكلىقتا ئېتىقادچىلارغا ئۈلگە بول. مەن سېنى يوقلاپ بارغۇچە، ئۆزۈڭنى جامائەتچىلىككە مۇقەددەس يازمىلار ئوقۇپ بېرىش، نەسىھەت قىلىش ۋە تەلىم بېرىشكە بېغىشلىغىن. مۇقەددەس روھ ساڭا ئاتا قىلغان قابىلىيەتكە بىپەرۋالىق قىلما. بۇ قابىلىيەت خۇدانىڭ ۋەھىيسى ۋە جامائەتچىلىك يېتەكچىلىرىنىڭ قوللىرىنىڭ ئۇچاڭغا تېگىشى ئارقىلىق ساڭا بېرىلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ئىشلارنى جان-دىلىڭ بىلەن قىل. ئۆزۈڭنى ئۇلارغا شۇنداق ئاتىغىنكى، ھەممە كىشى سېنىڭ ئالغا باسقانلىقىڭنى كۆرسۇن. ئۆزۈڭگە ۋە بەرگەن تەلىمىڭگە دىققەت قىل ھەمدە ئۇنى ئىزچىل داۋاملاشتۇر. چۈنكى، شۇنداق قىلساڭ، ئۆزۈڭمۇ ۋە ساڭا قۇلاق سالغانلارمۇ قۇتقۇزۇلىدۇ. ياشانغان ئەرلەر سەۋەنلىك ئۆتكۈزسە، ئۇلارنى قاتتىق ئەيىبلىمىگىن. ئەكسىچە، ئۇلارغا ئاتاڭنى ھۆرمەتلىگەندەك ھۆرمەت بىلەن نەسىھەت بەرگىن. شۇنىڭدەك، ياش ئەرلەرگە ئۆز قېرىنداشلىرىڭغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىل. ياشانغان ئاياللارغا ئاناڭغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىل. ياش ئاياللارغىمۇ سىڭىللىرىڭغا مۇئامىلە قىلغاندەك پاك قەلب بىلەن مۇئامىلە قىل. ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن، ھەقىقىي موھتاجلىقتا قالغان تۇل ئاياللارنى ھۆرمەتلەپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئال. لېكىن، تۇل ئاياللارنىڭ پەرزەنتلىرى ياكى نەۋرىلىرى بولسا، ئۇ پەرزەنتلەر ئالدى بىلەن ئۆز ئائىلىسىدىن خەۋەر ئېلىپ، ئېتىقادىنى ئەمەلىيەتكە ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەجرىنى ياندۇرسۇن. چۈنكى بۇ، خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ. ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ئىگە-چاقىسىز تۇل ئاياللار ئۈمىدىنى خۇداغا باغلىغان بولۇپ، ئۇلار كېچە-كۈندۈز دۇئا-تىلاۋەتتە بولىدۇ. لېكىن، ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن، ھۇزۇر-ھالاۋەت ئۈچۈنلا ياشايدىغان تۇل ئاياللار ھايات بولسىمۇ، روھىي جەھەتتە بەرىبىر ئۆلگەنگە ھېساب. ئېتىقادچىلارنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئەيىبلىنىدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن، سەن جامائەتچىلىككە بۇ ئىشلار توغرىسىدا تەربىيە بەرگىن. بىر كىشى ئۆز تۇغقانلىرىغا، بولۇپمۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە قارىمىسا، ئۇ ئەيسا مەسىھتىن تانغان دەپ قارىلىپ، ھەتتا ئېتىقادسىزلارچىلىكمۇ بولالمايدۇ. ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدە ياردەم بېرىلىدىغان، ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن تۇل ئاياللارنى تىزىملىغاندا، ئۇلار چوقۇم ئۆز ئېرىگە سادىق بولغان بولۇشى ۋە يېشى ئاتمىشتىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك. ئۇلار يەنە ياخشىلىقلىرى بىلەن تونۇلغان بولۇشى، يەنى بالىلىرىنى ياخشى تەربىيىلەپ چوڭ قىلغان، مېھماندوست، كەمتەرلىك بىلەن ئېتىقادچىلارنىڭ خىزمىتىدە بولغان، قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ياردەم قىلغان ۋە ئۆزىنى ھەر خىل خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا بېغىشلىغان ئاياللار بولۇشى كېرەك. ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ياش تۇل ئاياللارنى تىزىملىما. چۈنكى، بۇنداق ئاياللارنىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى ئارزۇلىرى ئەيسا مەسىھكە بولغان رىشتىنى بېسىپ كەتسە، ئۇلار قايتا نىكاھلىنىشنى ئارزۇ قىلىپ، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدىكى خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالىمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار دەسلەپ بەرگەن ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىش سەۋەبلىك ئەيىبلىنىدۇ. ئۇلار يەنە ھۇرۇنلۇقنى ئادەت قىلىۋېلىپ، ئۆيمۇ ئۆي دوقۇرۇپ يۈرۈپ، غەيۋەت قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالىدىغان ۋالاقتەككۈرلەردىن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇنداق ياش تۇل ئاياللارنىڭ نىكاھلىنىپ، پەرزەنت كۆرۈپ، ئۆي ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى نەسىھەت قىلىمەن. شۇنداق قىلغاندا، بىزگە قارشى تۇرغۇچىلاردا ھەرقانداق پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش پۇرسىتى بولمايدۇ. بۇنداق دېيىشىمدىكى سەۋەب، بەزى تۇل ئاياللار ئاللىبۇرۇن ئېتىقادتىن چەتنەپ، شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ كەتتى. ئەگەر ئېتىقادى بار بىر ئايالنىڭ تۇل قالغان تۇغقانلىرى بولسا، ئۇ ئۇلارغا ياردەم بەرسۇن، يۈكنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە ئىتتىرىپ قويمىسۇن. شۇنداق بولغاندا، جامائەتچىلىك ھەقىقىي ئىگە-چاقىسىز تۇل ئاياللارغا ياردەم قىلالايدۇ. ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى ياخشى باشقۇرىدىغان يېتەكچىلەر، بولۇپمۇ خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزۈش ۋە تەلىم بېرىشتە ئەجىر سىڭدۈرگەن كىشىلەر چوقۇم چوڭقۇر ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشى ۋە ئۇنىڭغا لايىق ھەق ئېلىشى كېرەك. چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا: «خامان تەپكەن ئۆكۈزنىڭ ئاغزىنى بوغما»، «ئىشچى ئۆز ھەققىنى ئېلىشقا ھەقلىقتۇر» دېيىلگەن. ئىككى ياكى ئۈچ گۇۋاھچى بولمىغۇچە، جامائەتچىلىكنىڭ يېتەكچىسى ئۈستىدىن قىلىنغان ئەرزنى قوبۇل قىلما. ئەگەر ئۇ گۇناھ قىلغان بولسا، باشقىلارنىڭمۇ بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن، جامائەتچىلىك ئالدىدا ئەيىبلەنسۇن. خۇدانىڭ، ئەيسا مەسىھنىڭ ۋە خۇدا تاللىغان پەرىشتىلەرنىڭ ئالدىدا ساڭا شۇنى بۇيرۇيمەنكى، سەن بۇ سۆزلىرىمگە قەتئىي ئەمەل قىل. ئايرىمىچىلىق قىلما، ھەرقانداق ئىشتا بىر تەرەپكە يان باسما. بىراۋنىڭ ئۇچىسىغا قولۇڭنى قويۇپ، ئۇنى يېتەكچىلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەشكە ئالدىراپ كەتمە، بولمىسا ئۇنىڭ گۇناھلىرىغا شېرىك بولۇپ قېلىشىڭ مۇمكىن. ئۆزۈڭنى پاك تۇتقىن. (ئاشقازىنىڭنىڭ ياخشى بولمىغانلىقى، شۇنداقلا دائىم كېسەل بولۇپ قالىدىغانلىقىڭ ئۈچۈن، سۇلا ئىچمەي، بىرئاز شارابمۇ ئىچىپ بەرگىن.) بەزى كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئاسانلا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ چوقۇم سوراققا تارتىلىشى ئېنىق. لېكىن، بەزى كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرى بولسا كېيىن ئاشكارا بولىدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، بەزى كىشىلەرنىڭ ياخشى ئەمەلىيىتىنىمۇ ئاسانلا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. لېكىن، بەزى كىشىلەرنىڭ ياخشى ئەمەلىيىتى بولسا كېيىن مەلۇم بولىدۇ. قۇل ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى ئۆز خوجايىنلىرىنى ھۆرمەتلىسۇن. شۇنداق قىلغاندا، خۇدانىڭ نامى ۋە خۇدادىن كەلگەن تەلىمنىڭ كۇپۇرلۇققا ئۇچراپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. خوجايىنلىرىمۇ ئېتىقادچى بولسا، قۇللار: «بىز ھەممىمىز خۇدانىڭ ئائىلىسىدىكى قېرىنداشلارغۇ» دەپ، ئۇلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلمىسۇن. ئەكسىچە، خوجايىنلىرىغا تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلسۇن. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ياخشى خىزمىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان خوجايىنلار دەل خۇدانىڭ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلىرىدۇر. سەن ئېتىقادچىلارغا بۇ تەلىملەرنى ئۆگەتكىن ۋە تاپىلىغىن. ئوخشىمايدىغان تەلىملەرنى تەرغىب قىلغان كىشى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ھەق سۆزلىرىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ بىزنى ئىخلاسمەنلىككە يېتەكلەيدىغان تەلىمىنى قوبۇل قىلمىغان بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەر تەكەببۇر، ھېچنېمە چۈشەنمەيدىغان كىشىلەردۇر. ئۇلار غوۋغا چىقىرىش ۋە گەپ تالىشىشقا ئىنتايىن ئامراق. بۇنداق ئىشلار باشقىلارنىڭ ئارىسىدا ھەسەتخورلۇق، جېدەل-ماجىرا، تۆھمەت، گۇمانخورلۇق ھەمدە دائىملىق سۈركىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ نىيىتى چىرىك بولۇپ، ھەقىقەتتىن مەھرۇم بولغان. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئىخلاسمەنلىك پەقەتلا بىر تاپاۋەت يولىدۇر، خالاس. دەرۋەقە، خۇداغا رازىمەنلىك بىلەن ئىخلاسمەن بولغان ئادەم ھەقىقىي روناق تاپىدۇ. بىز بۇ دۇنياغا ھېچنېمە ئېلىپ كەلمىدۇق ۋە بۇ دۇنيادىن ھېچنېمە ئېلىپ كېتەلمەيمىز. شۇڭا، يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچىكىمىز تولۇق بولسىلا، رازى بولۇشىمىز كېرەك. باي بولۇشنىلا ئويلايدىغانلار بولسا ھامان ئازدۇرۇلۇپ كېتىدۇ، ئۇلار ئىنسانلارنى قۇرۇتۇپ ھالاك قىلىدىغان نۇرغۇن زىيانلىق ھەم ئەخمىقانە ھەۋەسلەرنىڭ تورىغا چۈشۈپ كېتىدۇ. چۈنكى، پۇلپەرەسلىك ھەر خىل يامانلىقنىڭ يىلتىزىدۇر. بەزىلەر باي بولۇش ھەۋىسى بىلەن ئېتىقادتىن چەتنەپ، ئۆزىگە تۈگىمەس ئازاب تېپىۋالدى. ئەي خۇدانىڭ سادىق بەندىسى، سەن بۇنداق ئىشلاردىن يىراق تۇر. ھەققانىيلىق، ئىخلاسمەنلىك، ئېتىقاد، مېھىر-مۇھەببەت، سەۋر-تاقەت ۋە مۇلايىملىقنى ئىزدە. ئېتىقاد يولىدا ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىل. خۇدا ئاتا قىلغان مەڭگۈلۈك ھاياتنى قەدىرلە. سەن بۇنىڭ ئۈچۈن چاقىرىلدىڭ ھەمدە نۇرغۇنلىغان گۇۋاھچىلار ئالدىدا بۇ مەڭگۈلۈك ھاياتنى ئاللىبۇرۇن ئوچۇق ئېتىراپ قىلدىڭ. ھەممىگە ھاياتلىق بەرگۈچى خۇدانىڭ، شۇنداقلا پونتىي پىلاتۇسقا يۈرەكلىك ھالدا ئۇلۇغ ھەقىقەت توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەرگەن ئەيسا مەسىھنىڭ ئالدىدا ساڭا شۇنى تاپىلايمەنكى، رەببىمىز ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگۈچە، خۇدانىڭ بۇ ئەمرلىرىگە تولۇق ئەمەل قىل، بۇنىڭ بىلەن ھېچكىم سېنى ئەيىبلىيەلمىسۇن. بۇ دۇنيادا باي بولغانلارغا مەغرۇرلانماسلىقنى، ئۆتكۈنچى بايلىققا ئۈمىد باغلىماسلىقنى بۇيرۇغىن. ئۇلار ئۈمىدىنى بىز بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ھەممىنى بىزگە سېخىيلىق بىلەن بەرگۈچى خۇداغا باغلىسۇن. ئۇلارغا باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشنى ۋە خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلارنى كۆپ قىلىشنى، مەرد ۋە قولى ئوچۇق بولۇشنى بۇيرۇغىن. بۇنداق قىلغاندا، ئۇلار ھەقىقىي ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن كېلەچەكتە ئۆزلىرىگە پۇختا ئاساس بولىدىغان بىر خەزىنە توپلىيالايدۇ. ئەي تىموتىي، ساڭا ئامانەت قىلىنغان بۇ تەلىملەرنى ياخشى ساقلا. خۇداغا بولغان ئىخلاسمەنلىككە مۇناسىپ كەلمەيدىغان قۇرۇق گەپلەردىن ھەمدە بىمەنە بىلىمنى بىلىم دېگۈچىلەرنىڭ تالاش-تارتىشلىرىدىن ساقلان. بەزىلەر مۇشۇنداق بىمەنە بىلىمگە ئەگىشىپ، ئېتىقادتىن چەتنىدى. خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي! مەن خۇددى ئەجدادلىرىمغا ئوخشاش، خۇداغا پاك ۋىجدانىم بىلەن خىزمەت قىلىۋاتىمەن. مەن سەن ئۈچۈن خۇداغا شۈكۈر ئېيتىمەن. مەيلى كېچە ياكى كۈندۈز بولسۇن، دۇئالىرىمدا سېنى دائىم ئەسلەپ تۇرىمەن. ئايرىلغان ۋاقتىمىزدا ئاققۇزغان كۆز ياشلىرىڭنى ئەسلىگىنىمدە، سەن بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈشنى ئىنتايىن ئارزۇ قىلىمەن. سەن بىلەن كۆرۈشۈش مېنى ئىنتايىن خۇشال قىلىدۇ. سېنىڭ سەمىمىي ئېتىقادىڭ ئېسىمدىن چىقمايدۇ. ئەڭ ئاۋۋال موماڭ لوئىدە ۋە ئاناڭ ئەۋنىكىدە بار بولغان ئېتىقادنىڭ ئەمدى سەندىمۇ بار ئىكەنلىكىگە چوڭقۇر ئىشىنىمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن شۇنى يادىڭغا سالايكى، قوللىرىمنى ئۇچاڭغا قويغان چاغدا، خۇدا ساڭا بەرگەن قابىلىيەتنى تولۇق ئىشلەتكەيسەن. چۈنكى، خۇدا بىزگە ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھ بىزنى قورقۇنچقا سالمايدۇ، بەلكى خۇداغا خىزمەت قىلىشىمىز ئۈچۈن، بىزنى كۈچ-قۇدرەت ۋە مېھىر-مۇھەببەت بىلەن تولدۇرۇپ، ئۆزىمىزنى تۇتۇۋېلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. شۇڭا، رەببىمىز ھەققىدە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشتىن ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىش يولىدا مەھبۇس بولغان مەندىن نومۇس قىلما. ئەكسىچە، خۇدا ساڭا ئاتا قىلغان كۈچ-قۇدرەتكە تايىنىپ، خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش يولىدا مەن بىلەن بىللە ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشكە تەييار تۇر. خۇدا بىزنى قۇتقۇزۇپ، پاك ياشاشقا چاقىردى. بۇ، بىزنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىمىز بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئىرادىسى ۋە مېھىر-شەپقىتى بىلەن بولدى. خۇدا بىزگە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بۇ مېھىر-شەپقەتنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى دۇنيا ئاپىرىدە بولۇشتىن ئىلگىرىلا پىلانلىغانىدى. ھازىر بۇ مېھىر-شەپقەت قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كېلىشى بىلەن ئايان بولدى. ئەيسا مەسىھ ئىنسانلارنى ئىسكەنجىگە ئالغان ئۆلۈمنىڭ كۈچىنى بىكار قىلىپ، خۇش خەۋەر ئارقىلىق ئىنسانلارغا مەڭگۈلۈك ھايات يولىنى ئېچىپ بەردى. مەن بۇ خۇش خەۋەرنىڭ جاكارچىسى ۋە ئەلچىسى، شۇنداقلا ئۇ توغرىسىدا تەلىم بەرگۈچى بولۇپ تەيىنلەنگەن. ھازىرقى بۇ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىشىمنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ. لېكىن، بۇنىڭدىن نومۇس قىلمايمەن. چۈنكى، مەن كىمگە ئېتىقاد قىلغانلىقىمنى بىلىمەن ھەمدە خۇدانىڭ ماڭا ئامانەت قىلغان بۇ خۇش خەۋەرنى رەببىمىز قايتا كەلگەن كۈنگىچە چوقۇم قوغدايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەنئۇشبۇ ئايەتنىڭ ئاخىرقى جۈملىسىنى ╟ھەمدە مېنىڭ خۇداغا ئامانەت قىلغانلىرىمنى رەببىمىز قايتا كەلگەن كۈنگىچە چوقۇم قوغدايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن╚ دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ.. ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولۇپ، ئۇنىڭدىن كەلگەن ئېتىقاد ۋە مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە ياشاپ، مەندىن ئاڭلىغان ھەقىقىي تەلىملەرنى نىزام قىلىپ، ئۇنىڭدا چىڭ تۇر. ساڭا ئامانەت قىلىنغان بۇ قىممەتلىك ھەقىقەتنى ھەممىمىزنىڭ قەلبىدە بار بولغان مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمى بىلەن ساقلا. ئاڭلىغىنىڭدەك، ئاسىيا ئۆلكىسىدىكىبۇ يەردىكى ئاسىيا ئۆلكىسى ھازىرقى تۇركىيىنىڭ غەربىي قىسمىنى كۆرسىتىدۇ. ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مېنى تاشلىۋەتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا فىگېل ۋە ئېرموگېنمۇ بار. رەببىمىز ئونېسىفورنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىگە رەھىم-شەپقەت قىلغاي. چۈنكى، ئۇ كۆپ قېتىم مېنى يوقلاپ، كۆڭلۈمنى كۆتۈردى. ئۇ مېنىڭ مەھبۇس بولغانلىقىمدىن نومۇس قىلمىدى. رىم شەھىرىگە كەلگىنىدە ئۇ مېنى تاپقۇچە كۆپ ئاۋارە بولۇپتۇ. قىيامەت كۈنى، ئۇنىڭ رەببىمىزنىڭ رەھىم-شەپقىتىگە ئېرىشىشىنى تىلەيمەن. ئەفەس شەھىرىدە ئۇنىڭ ماڭا قىلغان نۇرغۇن خىزمىتىدىن سېنىڭمۇ ئوبدان خەۋىرىڭ بار. ئەي ئوغلۇم، سەن ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتىگە تايىنىپ كۈچلۈك بول. سەن مەندىن ئۆگەنگەن تەلىملەرنى كۆپ ئېتىقادچىلار ئاڭلىغان ۋە بۇ تەلىملەرنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىپ كەلگەن. ئەمدى بۇ تەلىملەرنى ئىشەنچلىك ھەمدە باشقىلارغا تەلىم بېرەلەيدىغان كىشىلەرگە يەتكۈزگىن. ئەيسا مەسىھنىڭ ياخشى جەڭچىسى بولۇپ، مەن بىلەن بىرگە ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشقا تەييار تۇر. جەڭچى بولغان كىشى ئۆز قوماندانىنى رازى قىلىش ئۈچۈن، تۇرمۇشنىڭ ئۇششاق-چۈششەك ئىشلىرىغا باشقا پۇقرالاردەك ئارىلاشماسلىقى كېرەك. مۇسابىقىگە قاتناشقان تەنھەرىكەتچىمۇ مۇسابىقە قائىدىلىرىگە رىئايە قىلمىسا، غەلىبىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئەجىر سىڭدۈرگەن دېھقان ئالغان ھوسۇلىدىن ئەلۋەتتە بىرىنچى بولۇپ بەھرىمەن بولىدۇ. بۇ ھېكمەتلىك سۆزلەرنى ياخشى ئويلا، چۈنكى رەببىمىز ساڭا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئەقىل بېرىدۇ. سەن داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادى بولغان ۋە ئۆلۈمدىن تىرىلگەن ئەيسا مەسىھنى ئېسىڭدە تۇت. مانا بۇ، مەن يەتكۈزۈۋاتقان خۇش خەۋەر. بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلىكىمدىن كۆپ ئازاب-ئوقۇبەت چەكتىم. ھەتتا جىنايەتچىلەردەك كىشەنلىنىپ، زىندانغا تاشلاندىم. لېكىن، ھېچكىم خۇدانىڭ سۆزىنى كىشەنلىيەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا تاللىغان بەندىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھ تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلۇشى ۋە مەڭگۈلۈك شان-شەرەپكە ئېرىشىشى ئۈچۈن، ھەرقانداق ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە بەرداشلىق بېرىۋاتىمەن. تۆۋەندىكى بۇ سۆزلەر ئىشەنچلىكتۇر: ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە ئۆلگەنىكەنمىز، ئۇنىڭ بىلەن يېڭى ھاياتتا بىللە ياشايمىز. قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بەرسەك، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ھۆكۈم سۈرىمىز. بىز ئۇنىڭدىن تانساق، ئۇمۇ بىزدىن تانىدۇ. بىز ئۇنىڭغا ساداقەتسىزلىك قىلساقمۇ، ئۇ يەنىلا ساداقەتلىكتۇر. چۈنكى، ئۇ چوقۇم ئۆزىنىڭ سۆزىدە تۇرماي قالمايدۇ. بۇ ئىشلارنى داۋاملىق ئېتىقادچىلارنىڭ سەمىگە سال. خۇدا ئالدىدا ئۇلارنى بىمەنە سۆزلەر توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلماسلىققا بۇيرۇغىن. بۇنداق تالاش-تارتىشلارنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمايلا قالماي، بەلكى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئېتىقادىنى ۋەيران قىلىدۇ. خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى توغرا چۈشەندۈرۈپ، ئۆزۈڭنى خۇدا ئالدىدا يەرگە قاراپ قالمايدىغان، بەلكى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان خىزمەتچى قىلىپ يېتىشتۈرۈشكە تىرىش. خۇداغا بولغان ئىخلاسمەنلىككە مۇناسىپ كەلمىگەن قۇرۇق گەپلەردىن ساقلان. چۈنكى، بۇنداق گەپلەرنى قىلغۇچىلار خۇدادىن تېخىمۇ يىراقلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ گەپلىرى خۇددى زەھەرلىك ئۆسمىدەك تېزلا يامراپ كېتىدۇ. ئىمېنېي ۋە فىلېتلارمۇ مانا شۇنداق گەپ-سۆزلەرنى قىلغۇچىلاردىندۇر. ئۇلار ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشىدىن ئىبارەت بۇ ئىش ئاللىقاچان يۈز بېرىپ بولدى دەپ،بۇ ╟بىر ئادەم ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغاندا، ئۇنىڭ روھى ئاللىقاچان ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە ئۆلۈپ تىرىلىدۇ. بۇ تىرىلىش پەقەت روھىي جەھەتتە بولۇپ، كەلگۈسىدە تەن جەھەتتە يۈز بەرمەيدۇ╚ دېگەن خاتا كۆزقاراشتۇر. ھەق يولدىن چەتنەپ، بەزىلەرنىڭ ئېتىقادىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا. بىراق، خۇدا قۇرغان ئۇل ئۇل - ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى، خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى ياكى ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. مەزمۇت تۇرماقتا. ئۇنىڭدا مۇنۇ سۆزلەر مۆھۈرلىنىپ يېزىلغان: ╟رەببىمىز ئۆزىگە مەنسۇپ كىشىلەرنى تونۇيدۇ╚، ╟ئۆزلىرىنى رەببىمىزگە مەنسۇپ دەيدىغان كىشىلەر يامانلىقلاردىن قول ئۈزسۇن.╚ باي ئائىلىلەردە پەقەت ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلارلا بولۇپ قالماي، ياغاچ، ساپال قاچىلارمۇ بولىدۇ. ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلار ئالاھىدە سورۇنلاردا، باشقىلىرى بولسا ئادەتتىكى سورۇنلاردا ئىشلىتىلىدۇ. ئەگەر بىر كىشى ئۆزىنى يۇقىرىقى يامان ئىشلاردىن پاك تۇتسا، ئۇ خۇددى ئالاھىدە سورۇنلاردا ئىشلىتىلىدىغان ئالتۇن-كۈمۈش قاچىغا ئوخشايدۇ. چۈنكى، ئۇ پاك بولىدۇ ھەمدە خوجايىنىغا، يەنى خۇداغا ياراملىق كىشى بولۇپ، ھەرقانداق ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا تەييار تۇرىدۇ. شۇڭا، ياشلىقنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىدىن ئۆزۈڭنى تارت. پاك قەلب بىلەن رەببىمىزنى چاقىرغان باشقا كىشىلەر بىلەن بىللە ھەققانىيلىق، ئېتىقاد، مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئىناقلىقنى ئىزدە. ئەخمىقانە ۋە بىھۇدە تالاش-تارتىشلارغا ئارىلىشىشنى رەت قىل. چۈنكى، بۇنداق ئىشلارنىڭ جېدەل تېرىيدىغانلىقىنى بىلىسەن. رەببىمىزنىڭ خىزمەتكارى جېدەلخور بولماسلىقى، ئەكسىچە ھەممىگە مېھرىبان ۋە تەلىم بېرىشكە ماھىر، سەۋر-تاقەتلىك بولۇشى كېرەك. رەببىمىزنىڭ تەلىمىگە قارشى تۇرغانلارغىمۇ مۇلايىملىق بىلەن نەسىھەت قىلىش كېرەك. بەلكىم خۇدا ئۇلارغا ھەقىقەتنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن توۋا قىلىش پۇرسىتىنى بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۇيقۇسىنى ئېچىپ، ئۆزلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ ئارزۇسىغا يەتمەكچى بولغان شەيتاننىڭ تورىدىن قۇتۇلالايدۇ. ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان، خۇداغا ئىخلاسمەنلىك بىلەن ھايات كەچۈرۈشكە ئىرادە باغلىغانلارنىڭ ھەممىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ. رەزىل ۋە ساختىپەز كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى بۇرۇنقىدىنمۇ يامانلىشىپ، باشقىلارنى ئالداش بىلەن بىللە ئۆزلىرىمۇ ئالدىنىپ كېتىدۇ. لېكىن، سەن ھازىرغىچە ئۆگىنىپ كەلگەن ۋە چوڭقۇر ئىشەنگەن ھەقىقەتتە داۋاملىق چىڭ تۇر. چۈنكى، بۇ ھەقىقەتنى ئىشەنچلىك كىشىلەردىن ئۆگەنگەنلىكىڭنى بىلىسەن. سەن بالىلىق چاغلىرىڭدىن تارتىپلا مۇقەددەس يازمىلارنى ئۆگەندىڭ. بۇ يازمىلار ساڭا ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقاد ئارقىلىق قۇتقۇزۇلۇشقا ئېلىپ بارىدىغان ئەقىل-پاراسەتنى تەقدىم قىلدى. پۈتۈن مۇقەددەس يازمىلار خۇدانىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يېزىلغان بولۇپ، ئۇ، ھەقىقەت توغرىسىدا تەلىم بېرىش، خاتالىقلارنى كۆرسىتىپ بېرىش، سەۋەنلىكلەرنى تۈزىتىش ۋە كىشىلەرنى ھەققانىيلىققا يېتەكلەشكە پايدىلىقتۇر. ئۇ، خۇداغا مەنسۇپ بولغان كىشىلەرنى تولۇق قوراللاندۇرۇپ، ئۇلارنى ھەرقانداق ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا تەييار تۇرغۇزالايدۇ. مەن تىرىكلەر بىلەن ئۆلگەنلەرنى سوراق قىلىدىغان ھەمدە ئۆز پادىشاھلىقىنى قۇرۇش ئۈچۈن قايتا كېلىدىغان ئەيسا مەسىھنىڭ، شۇنداقلا خۇدانىڭ ئالدىدا ساڭا شۇنداق بۇيرۇق قىلىمەنكى، پۇرسەت بولسۇن-بولمىسۇن، ھەر ۋاقىت خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزگىن. سەن زور سەۋر-تاقەت ۋە ياخشى تەلىم بېرىش بىلەن كىشىلەرنىڭ خاتالىقلىرىنى تۈزەتكۈز ھەمدە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغىن ۋە رىغبەتلەندۈرگىن. چۈنكى، شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا ئىنسانلار خۇدا توغرىسىدىكى توغرا تەلىملەرنى ئاڭلاشنى خالىمايدۇ. بەلكى، ئۇلار قۇلاقلىرىغا خۇش ياقىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلاش ئۈچۈن، ئۆز ھەۋەسلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەلىم بەرگۈچىلەرنى ئىزدەيدۇ. ھەق سۆزلەرنى رەت قىلىپ، بىمەنە ئەپسانىلەرگە قۇلاق سالىدۇ. لېكىن، سەن ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۆزۈڭنى سەگەك تۇت. ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشقا تەييار تۇر. ھەر ۋاقىت خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش خىزمىتىدە بولۇپ، خۇدا ساڭا تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئادا قىل. ئەمدى ئۆزۈمگە كەلسەم، ھاياتىم خۇداغا قۇربانلىق ئورنىدا تەقدىم قىلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ. مېنىڭ بۇ دۇنيادىن ئايرىلىدىغىنىمغا ئاز قالدى. مەن خۇدا يولىدا ئاخىرغىچە كۈرەش قىلدىم، يەنى يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ پۈتۈن مەنزىلىنى بېسىپ بولدۇم، ئېتىقادىمدا چىڭ تۇرۇپ كەلدىم. ھازىر ھەققانىيلىق تاجى مېنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئۇنى ئادىل سوراق قىلىدىغان رەببىمىز قايتا كەلگەندە، ماڭا كىيدۈرىدۇ. شۇنداقلا، ئۇنى يالغۇز ماڭىلا ئەمەس، ئۇنىڭ قايتا كېلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈپ تۇرغانلارنىڭ ھەممىسىگە كىيدۈرىدۇ. يېنىمغا تېزدىن يېتىپ كېلىشكە تىرىش. چۈنكى، قېرىندىشىمىز كىرىسكى گالاتىيا ئۆلكىسىگە، تىتۇس دالماتىيا ئۆلكىسىگە كەتتى. دېماس بولسا بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا بېرىلىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، مېنى تاشلاپ، سالونىكا شەھىرىگە كەتتى. يېنىمدا يالغۇز لۇقا قالدى. ماركۇسنى ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ئېلىپ كەل. ئۇ خىزمەتلىرىمدە ماڭا ياردەمچى بولىدۇ. تىكىكۇسنى ئەفەس شەھىرىگە ئەۋەتىۋەتتىم. كېلىشىڭدە تروئاس شەھىرىدە بولغان ۋاقتىمدا كارپۇسنىڭ يېنىدا قالدۇرۇپ قويغان تونۇم بىلەن كىتابلارنى، بولۇپمۇ ئورام تېرە يازمىلارنى بىللە ئالغاچ كەلگىن. مىسكەر ئىسكەندەر ماڭا كۆپ زىيانكەشلىك قىلدى. رەببىمىز چوقۇم ئۇنىڭغا قىلمىشلىرىغا لايىق جازا ياندۇرىدۇ. سەنمۇ ئۇنىڭدىن ھوشيار بول. چۈنكى، ئۇ بىز يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرگە كۈچىنىڭ بارىچە قارشى چىقتى. بىرىنچى قېتىم سوتلانغىنىمدا، ماڭا ياردەم قىلىدىغانلار چىقمىدى، ئەكسىچە ھەممىسى مېنى تاشلاپ كەتتى. خۇدا ئۇلارنى كەچۈرۈم قىلغاي. لېكىن، خۇدا مەن بىلەن بىللە بولۇپ، ماڭا خۇش خەۋەرنى تولۇق جاكارلاشقا مەدەت بەردى. نەتىجىدە، ئۇ يەردىكى ھەممە يەھۇدىي ئەمەسلەر بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلىدى. بۇنىڭ بىلەن، خۇدا مېنى بۇ قېتىمقى سوتتىن، يەنى يولۋاسنىڭ ئاغزىدىن قۇتقۇزۇپ چىقتى. رەببىمىز مېنى ھەر خىل يامانلىقلاردىن قۇتقۇزۇپ، ئەرشتىكى ئۆز پادىشاھلىقىغا بىخەتەر يەتكۈزگەي. بارلىق شان-شەرەپ خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن! مەندىن پرىسكىلا بىلەن ئېرى ئاكۋىلاغا ۋە ئونېسىفورنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە سالام ئېيت. ئېراست كورىنت شەھىرىدە قالدى. تروفىم كېسەل بولۇپ قالغانلىقتىن، ئۇنى مىلېت شەھىرىدە قالدۇرۇپ قويدۇم. قىش كىرىپ كەلگۈچە، بۇ يەرگە كېلىشكە تىرىشقىن. ئېۋۇل، پۇد، لىن، كلاۋدىيا ۋە بارلىق قېرىنداشلاردىن ساڭا سالام. رەببىمىز سىلەر بىلەن بىللە بولغاي. خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولسۇن! خۇدانىڭ خىزمەتكارى ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىسى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن تىتۇسقا سالام. مەن خۇدا تاللىغانلارغا ئېتىقاد يولىنى كۆرسىتىشكە ۋە ئۇلارنى ئىخلاسمەنلىككە يېتەكلەيدىغان ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈشكە تەيىنلەندىم. بۇ ئېتىقاد ۋە ھەقىقەت بىزدە مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈمىدىنى پەيدا قىلىدۇ. يالغانچىلىقتىن مۇستەسنا بولغان خۇدا دۇنيا ئاپىرىدە بولۇشتىن ئىلگىرىلا بۇ مەڭگۈلۈك ھاياتنى ۋەدە قىلغان. خۇدا بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا بۇ مەڭگۈلۈك ھايات توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى ئاشكارىلىدى. قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدا ئۆز ئەمرى بىلەن بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ماڭا تاپشۇردى. خۇدائاتىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھكە بولغان ئورتاق ئېتىقاد يولىدا ئۆز ئوغلۇمدەك بولۇپ قالغان ساڭا مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي! ئورۇندىلىپ بولمىغان ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ساڭا بۇرۇن تاپشۇرغىنىمدەك، ھەرقايسى شەھەرلەردىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىلىرىنى تەيىنلەش ئۈچۈن، سېنى كرىت ئارىلىدا قالدۇردۇم. يېتەكچىلىككە تەيىنلىنىدىغان كىشى ئەيىبسىز، ئايالىغا سادىق بولغان، پەرزەنتلىرى بولسا خۇداغا ئېتىقاد قىلىدىغان، كەيپ-ساپادىن نېرى بولغان ھەمدە ئاتا-ئانىسىغا بويسۇنىدىغان كىشىلەردىن بولۇشى كېرەك. ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە باشلامچى بولغان بۇنداق كىشى خۇدانىڭ خىزمىتىنى زىممىسىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق ئەيىبسىز بولۇشى كېرەككى، ھەرگىز تەرسا، چۇس مىجەز، ھاراقكەش، زوراۋان، مال-دۇنياغا تەمەخور بولماسلىقى، ئەكسىچە مېھماندوست، ياخشىلىقنى سۆيىدىغان، ئۆزىنى تۇتۇۋالغان، ئادىل، پاك ۋە تەمكىن بولۇشى لازىم. ئۇ ئۆزىگە ئۆگىتىلگەن ئىشەنچلىك تەلىمدە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا، ئۇ بۇ توغرا تەلىم ئارقىلىق باشقىلارغا نەسىھەت قىلالايدۇ ھەم تەلىمگە قارشى چىققۇچىلارنىڭ خاتالىقىنى تۈزىتەلەيدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ تەلىمگە ئىتائەت قىلماي، بىمەنە سۆزلەر بىلەن باشقىلارنى ئازدۇرىدۇ. بولۇپمۇ قۇتقۇزۇلۇش ئۈچۈن خەتنە قىلىنىش زۆرۈر، دەپ تۇرۇۋالغۇچىلار شۇنداق قىلىدۇ. مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاش كېرەك. چۈنكى، ئۇلار مال-دۇنياغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن كىشىلەرگە ساختا تەلىملەرنى ئۆگىتىپ، بەزى ئائىلىلەرنىڭ ئېتىقادىنى پۈتۈنلەي نابۇت قىلماقتا. كرىت ئارىلىدىكىلەرنىڭ ئۆز پەيغەمبەرلىرىدىن بىرى: «كرىتلار ھەمىشە يالغان سۆزلەيدۇ، ئۇلار ۋەھشىي ھايۋانلار ۋە ھۇرۇن نان قېپىلاردۇر» دېگەن. بۇ ھەقىقەتتۇر. شۇڭا، كرىتتىكى ئېتىقادچىلارنىڭ ئېتىقادىنىڭ ساپ بولۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرغىن. ئۇلار بىمەنە يەھۇدىي ئەپسانىلىرىگە ۋە ھەقىقىي تەلىمدىن چەتنىگەنلەرنىڭ دىنىي قائىدە-يوسۇنلىرىغا قۇلاق سالمىسۇن. پاك كىشىلەر ئۈچۈن ھەممە نەرسە ھالالدۇر. لېكىن، ناپاك كىشىلەر ۋە ئېتىقادسىزلار ئۈچۈن ھېچقانداق نەرسە ھالال ئەمەستۇر. ئۇلارنىڭ ئوي-پىكىرلىرىمۇ، ۋىجدانىمۇ بۇلغىنىپ كەتكەن. ئۇلار خۇدانى تونۇيمىز، دەپ داۋراڭ قىلسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيىتىدە ئۇنى رەت قىلىدۇ. ئۇلار ھېچكىمگە بويسۇنمايدىغان يىرگىنچلىك كىشىلەر بولۇپ، قولىدىن ھېچقانداق ياخشى ئىش كەلمەيدۇ. تىتۇس، ئېتىقادچىلارغا توغرا تەلىمگە لايىق ياشاشنى ئۆگىتىشىڭ كېرەك. ياشانغان ئەرلەرنى ئۆزىنى تۇتۇۋالغان، ئېسىل پەزىلەتلىك، سالماقلىق، ئېتىقادتا ساپ، مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن سەۋر-تاقىتى تولۇپ تاشقان بولۇشقا چاقىرغىن. شۇنىڭدەك، ياشانغان ئاياللارنى ئىخلاسمەنلىكىگە لايىق يۈرۈش-تۇرۇشقا ھەمدە پىتنە-پاسات قىلمايدىغان، ھاراق-شارابقا بېرىلمەيدىغان بولۇشقا چاقىرغىن. ئۇلار باشقىلارغا نېمىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئۆگەتسۇن. بۇنىڭ بىلەن، بۇ ئاياللار ياش ئاياللارغا تەلىم بېرىپ، ئۇلارغا ئۆز ئەرلىرىگە ۋە بالىلىرىغا كۆيۈنۈش، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، پاك بولۇش، ئۆي ئىشلىرىغا ماھىر بولۇش، مېھرىبان بولۇش ۋە ئەرلىرىگە ئىتائەت قىلىشلارنى ئۆگىتەلەيدىغان بولسۇن. ياش ئاياللار شۇنداق ياشىسا، خۇدانىڭ سۆزى قارىلانمايدۇ. ياش ئەرلەرنىمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالايدىغان بولۇشقا چاقىرغىن. ئۆزۈڭمۇ ھەرقانداق ئىشتا ياخشى ئەمەلىيىتىڭ بىلەن ئۇلارغا ئۈلگە بول. پاك نىيەت، سالماقلىق، ھەمدە باشقىلار قۇسۇر تاپالمايدىغان توغرا سۆزلەر بىلەن تەلىم بەرگىن. بۇنىڭ بىلەن، بىزگە قارشى چىققۇچىلار يامان گېپىمىزنى قىلىشقا سەۋەب تاپالماي ئۇيالسۇن. سەۋەبى، خۇدانىڭ بارلىق ئىنسانلارنى قۇتقۇزىدىغان مېھىر-شەپقىتى ئايان بولدى. بۇ مېھىر-شەپقەت بىزنى گۇناھكارلىقنى ۋە بۇ دۇنيانىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى رەت قىلىپ، بۇ پانىي دۇنيادا توغرا، خۇداغا ئىخلاسمەن ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ھالدا ياشاشقا يېتەكلەيدۇ. بىز ئۇلۇغ خۇدا بولغان قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ شان-شەرەپ بىلەن قايتا كېلىشىدىن ئىبارەت مۇبارەك ئۈمىدىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتىمىز. ئەيسا مەسىھ بىز ئۈچۈن قۇربان بولدى. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئۇ بىزنى ھەممە رەزىللىكلەردىن ئازاد قىلىش ھەمدە بىزنى پاك قىلىپ، ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تىرىشىدىغان خەلق قىلىش ئۈچۈندۇر. سەن بۇ تەلىملەرنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە ئۆگەت. ئۇلارغا ئىلھام بەر ھەم پۈتۈن ھوقۇقۇڭنى ئىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ يامان ئىللەتلىرىنى تۈزەت. ھېچكىم سېنى كەمسىتمىسۇن. سەن ئېتىقادچىلارغا شۇنى ئەسلىتىپ تۇرغىنكى، ئۇلار ھۆكۈمەت ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا بويسۇنسۇن، ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ھەرقانداق ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تەييار تۇرسۇن. ئېتىقادچىلار ھېچكىمگە تۆھمەت قىلمىسۇن، جېدەلخور بولمىسۇن، ئەكسىچە خۇش پېئىل بولسۇن. ھەرقانداق كىشى بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا ھەقىقىي كەمتەرلىكىنى كۆرسەتسۇن. چۈنكى، بىر چاغلاردا بىزمۇ نادان ئىدۇق. بىزمۇ خۇداغا بويسۇنمايدىغان، ئازدۇرۇلغان، ھەر خىل ئارزۇ-ھەۋەسلەرنىڭ قۇلى بولغان، يامانلىق ۋە ھەسەتخورلۇق ئىچىدە ياشىغان، بىر-بىرىمىزگە ئۆچمەن كىشىلەر ئىدۇق. لېكىن، قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدا ئىنسانلارغا بولغان مېھرىبانلىقى ۋە مۇھەببىتىنى ئوچۇق ئايان قىلدى. بىز ياخشى ئەمەللەر بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ رەھىم-شەپقىتىدىن قۇتقۇزۇلدۇق. خۇدا بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى يۇيۇپ، مۇقەددەس روھ ئارقىلىق بىزنى قايتىدىن تۆرەلدۈرۈپ، يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈرۈش بىلەن بىزنى قۇتقۇزدى. قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا كەڭچىلىك بىلەن مۇقەددەس روھنى قەلبىمىزگە تۆكتى. بۇنىڭ بىلەن، بىز خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈمىدىگە ئىگە بولدۇق. بۇ سۆزلىرىم ھەقتۇر. ئۇلارنى تەكىتلىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنداق قىلغىنىڭدا، خۇداغا ئېتىقاد قىلغانلار ئۆزلىرىنى دائىم تىرىشچانلىق بىلەن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا بېغىشلايدۇ. بۇ تەلىملەر ئىنسانلار ئۈچۈن ياخشى ھەم پايدىلىقتۇر. ئەخمىقانە تالاش-تارتىشلار، نەسەبنامىلەر توغرىسىدىكى قۇرۇق گەپ-سۆزلەر ۋە تەۋرات قانۇنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك جېدەل-ماجىرالاردىن ساقلان. چۈنكى، بۇ ئىشلار پايدىسىز ۋە ئەھمىيەتسىزدۇر. ئارتېماسنى ياكى تىكىكۇسنى قېشىڭغا ئەۋەتمەكچى بولۇۋاتىمەن. قايسى بىرى قېشىڭغا بارمىسۇن، مۇمكىنقەدەر نىكوپولىس شەھىرىگە تېزرەك كەلگىن. چۈنكى، ئۇ يەردە قىشلىماقچىمەن. قانۇنشۇناس زېناس بىلەن ئاپوللوسنىڭ سەپىرىگە ئىمكانقەدەر ياردەمدە بولغىن. ئۇلارنىڭ كەم-كۈتىلىرى بولسا، ھەل قىلىپ بەرگىن. ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز ھاجەتمەنلەرگە ياردەم قىلىپ، ئۆزلىرىنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا بېغىشلاشنى ئۆگەنسۇن. شۇنداق بولغاندا، ئۇلارنىڭ ھاياتى مېۋىسىز بولمايدۇ. يېنىمدىكىلەرنىڭ ھەممىسىدىن ساڭا سالام. كرىت ئارىلىدىكى بىزنى سۆيىدىغان ئېتىقادچىلارغا سالام ئېيت. خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ھەممىڭلارغا يار بولغاي! ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلىش يولىدا مەھبۇس بولغان مەنكى پاۋلۇس ۋە مەن ئارقىلىق قېرىندىشىمىز تىموتىيدىن قەدىرلىك خىزمەتدىشىمىز بولغان سەن فىلىمۇنغا ۋە سىڭلىمىز ئافىياغا، بىز بىلەن بىللە كۈرەش قىلغان ئاركىپۇسقا ۋە ئۆيۈڭدە جەم بولىدىغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە سالام! خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي! قەدىرلىك فىلىمۇن، دۇئالىرىمدا ھەمىشە سېنى ياد ئېتىپ، خۇداغا شۈكۈر ئېيتىمەن. چۈنكى، مەن سېنىڭ رەببىمىز ئەيساغا بولغان ئېتىقادىڭ ۋە بارلىق ئېتىقادچىلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭ توغرىسىدا ھەر دائىم ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمەن. ئېتىقادىڭ سەۋەبلىك خۇدا ساڭا تەقدىم قىلغانلارنى باشقىلار بىلەن مەردلەرچە ئورتاقلىشىشىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن. شۇنداق قىلساڭ، بىزنىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىزدىن بىزگە بېرىلگەن بەختلەرنىڭ نەقەدەر مول ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنەلەيسەن. قېرىندىشىم، سېنىڭ ئېتىقادچىلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭ ماڭا زور خۇشاللىق ۋە رىغبەت ئېلىپ كەلدى. چۈنكى، سەن ئېتىقادچىلارنىڭ روھىنى كۆتۈردۈڭ. شۇڭا، مەن ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىسى بولۇشۇم بىلەن ئەسلىدە سېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى بېجىرىشىڭنى يۈرەكلىك ھالدا بۇيرۇيالىساممۇ، لېكىن، يەنىلا سېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىڭگە كۆرە ئىلتىماس قىلىشنى تاللىۋالدىم. بۇ ئىلتىماسنى مۇشۇ ياشقا كىرىپ قالغان ھەم ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلىش يولىدا ھازىر مەھبۇس بولۇۋاتقان مەنكى پاۋلۇستىن دەپ بىلگىن. سەندىن قۇلۇڭ ئونېسىمۇس ھەققىدە ئىلتىماس قىلىمەن. ئۇ زىنداندىكى ۋاقتىمدا مەن ئارقىلىق ئېتىقادچى بولغانلىقتىن، ئۆز ئوغلۇمدەك بولۇپ قالغان. ئۇ بۇرۇن ساڭا پايدىسىز بولسىمۇ، ئەمما ھازىر ساڭىمۇ، ماڭىمۇ پايدىلىقتۇر. مەن ھازىر ئۇنى، يەنى جانجىگىرىمنى سېنىڭ يېنىڭغا قايتۇرىمەن. خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلىكىم ئۈچۈن مەھبۇس بولۇپ زىنداندا يېتىۋاتقان مۇشۇ ۋاقتىمدا، ئۇنى سېنىڭ ئورنۇڭدا خىزمىتىمدە بولۇش ئۈچۈن يېنىمدا ئېلىپ قالغۇم بار ئىدى. بىراق، سېنىڭ رازىلىقىڭنى ئالمىغاچقا، بۇنداق قىلىشنى خالىمىدىم. سېنىڭ ماڭا مەجبۇرىي ئەمەس، بەلكى رازىمەنلىك بىلەن ياخشىلىق قىلىشىڭنى ئۈمىد قىلدىم. خۇدانىڭ قۇلۇڭ ئونېسىمۇسنىڭ ۋاقتىنچە سېنىڭ يېنىڭدىن قېچىشىغا يول قويغانلىقى، بەلكىم كېيىن سېنىڭ ئۇنى مەڭگۈ ئېلىپ قېلىشىڭ ئۈچۈندۇر. ئەمدى سەن ئۇنى قۇل قاتارىدا ئەمەس، بەلكى قۇلدىن كۆپ ئۈستۈن - سۆيۈملۈك بىر ئېتىقادچى قېرىندىشىڭ قاتارىدا كۆرەرسەن. ئۇ مەن ئۈچۈن ئىنتايىن قەدىرلىكتۇر. سەن ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق بولۇشى كېرەك. چۈنكى، سېنىڭ ھازىر ئۇنىڭ بىلەن قۇل-خوجايىنلىق مۇناسىۋىتىڭ بولۇپلا قالماي، رەببىمىزگە ئېتىقاد قىلىش جەھەتتە قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىڭمۇ باردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر سەن مېنى رەببىمىزنىڭ خىزمىتىدە سەپداش دەپ قارىساڭ، ئۇنى مېنى قوبۇل قىلغاندەك قوبۇل قىل. ئەگەر بۇرۇن ئۇ ساڭا بىرەر يولسىزلىق قىلغان بولسا ياكى پۇللىرىڭنى ئوغرىلىغان بولسا، ئۇنى مېنىڭ ھېسابىمغا ياز. مەنكى پاۋلۇس بۇ سۆزلەرنى ئۆز قولۇم بىلەن يېزىۋاتىمەن: ھېساباتنى ئۆزۈم قايتۇرىمەن. لېكىن، خۇش خەۋەر ئارقىلىق ئېرىشكەن مەڭگۈلۈك ھاياتىڭ ئۈچۈن ماڭا قەرزدار ئىكەنلىكىڭنى تىلغا ئېلىشىمنىڭ ھاجىتى بولمىسا كېرەك. شۇڭا، ئەي قېرىندىشىم، رەببىمىز ئۈچۈن ئىلتىماسىمنى قوبۇل قىلغىن. ئىككىلىمىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، روھىمنى كۆتۈر. سۆزۈمنى ئاڭلايدىغانلىقىڭغا ۋە سورىغانلىرىمدىن ئارتۇق ئورۇنلايدىغانلىقىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىپ، بۇ خەتنى يازدىم. يەنە بىر ئىش، ماڭا تۇرالغۇ جاي تەييارلاپ قويغىن. چۈنكى، دۇئالىرىڭلار ئارقىلىق زىنداندىن ئازاد بولۇپ، يېنىڭلارغا قايتىپ بارىدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن. ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، مەن بىلەن بىللە مەھبۇس بولغان ئېپافىرا، خىزمەتداشلىرىم ماركۇس، ئارىستارخۇس، دېماس ۋە لۇقالاردىن ساڭا سالام. رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي! قەدىمكى زامانلاردا، خۇدا ئەجدادلىرىمىزغا پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ھەر خىل يوللار بىلەن نۇرغۇن قېتىم سۆزلىگەنىدى. مۇشۇ ئاخىرقى ۋاقىتلاردا بولسا بىزگە ئۆز ئوغلى ئارقىلىق سۆزلىدى. خۇدا كائىناتنى ئوغلى ئارقىلىق ياراتتى ۋە ئوغلىنى پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ مىراسخورى قىلىپ بېكىتتى. ئۇ ئاتىسى خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن پارلىغان نۇر، ئاتىسىنىڭ تەبىئىتىنىڭ ھەقىقىي ئوبرازىدۇر. ئۇ ئۆز سۆزىنىڭ قۇدرىتى بىلەن پۈتكۈل كائىناتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇ ئۆزىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىدىن پاكلىنىش يولىنى ئېچىپ بەرگەندىن كېيىن، ئەرشتىكى خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى. دېمەك، ئوغۇلغا بېرىلگەن مەرتىۋە پەرىشتىلەرنىڭكىدىن كۆپ ئۈستۈن بولغىنىدەك، ئوغۇلنىڭ ئۆزىمۇ ئۇلاردىن كۆپ ئۈستۈندۇر. چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دېيلگەن: «سەن مېنىڭ ئوغلۇمسەن، بۈگۈن مەن سېنىڭ ئاتاڭ ئىكەنلىكىمنى جاكارلىدىم.» بۇ سۆزنى خۇدا ھەرقانداق بىر پەرىشتىسىگە دېگەن ئەمەس، شۇنداقلا خۇدا يەنە ھېچقانداق بىر پەرىشتە توغرۇلۇق: «مەن ئۇنىڭغا ئاتا بولىمەن، ئۇمۇ ماڭا ئوغۇل بولىدۇ.» دېگەنمۇ ئەمەس. ھالبۇكى، خۇدا ئۆزىنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق بىردىنبىر ئوغلىنى يەر يۈزىگە ئەۋەتكەندە، «پۈتكۈل پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا سەجدە قىلسۇن» دېگەن. خۇدا پەرىشتىلەر ھەققىدە: «خۇدا خىزمەتكارلىرى بولغان ئۆز پەرىشتىلىرىنى شامال ھەم ئوت يالقۇنى قىلار» دېگەن بولسا، ئوغلىغا: «سەن خۇداسەن، تەختىڭ مەڭگۈلۈكتۇر. سەن ئادىللىق بىلەن ھوقۇق يۈرگۈزىسەن. ھەققانىيەتنى سۆيدۈڭ، ناھەقلىقتىن نەپرەتلەندىڭ. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا - سېنىڭ ئىگەڭنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان شان-شۆھرەت ۋە پەخرىي شادلىقى ھەمراھلىرىڭغا ئاتا قىلغىنىدىن كۆپ زىيادىدۇر» دېگەن. خۇدا ئوغلىغا يەنە مۇنداق دېگەن: «ئى رەب، سەن ھەممىدىن بۇرۇن زېمىننىڭ ئاساسىنى سالدىڭ، ئاسمانمۇ سېنىڭ قوللىرىڭنىڭ ئىجادىيىتىدۇر. ئۇلار يوقىلىدۇ، لېكىن سەن مەڭگۈ يوقالمايسەن. ئاسمان-زېمىن كىيىم-كېچەكتەك كونىرايدۇ. ئۇلارنى خۇددى كونا چاپاننى يىغىشتۇرغاندەك پۈرلەپ يىغىشتۇرىسەن. كىيىم-كېچەك يەڭگۈشلەنگەندەك، ئاسمان-زېمىنمۇ يەڭگۈشلىنىدۇ. لېكىن، سەن ئەسلا ئۆزگەرمەيسەن. ھاياتلىقىڭ ئاخىرلاشمايدۇ.» خۇدا ئۆز ئوغلىغا دېگەن مۇنۇ سۆزنى پەرىشتىلەرنىڭ بىرەرسىگە دەپ باققان ئەمەس: «مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى ئايىغىڭ ئاستىدا دەسسەتكۈچە، مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن!» شۇنداق ئىكەن، پۈتكۈل پەرىشتىلەر پەقەت خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرىدۇر. ئۇلار قۇتقۇزۇلىدىغانلارغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن روھلاردۇر. شۇڭا، ھەقىقەتتىن يىراقلىشىپ كەتمەسلىكىمىز ئۈچۈن، ئاڭلىغان ھەقىقەتتە تېخىمۇ چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. پەرىشتىلەر ئارقىلىق مۇسا پەيغەمبەرگە يەتكۈزۈلگەن تەۋرات قانۇنىنىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان ھەم شۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلار ياكى ئىتائەت قىلىشقا سەل قارىغانلارنىڭ ھەممىسى تېگىشلىك جازاسىنى تارتقان. شۇنداق ئىكەن، شۇنچە ئۇلۇغ قۇتقۇزۇلۇشقا كۆز يۇمساق، قانداقمۇ شۇ جازادىن قېچىپ قۇتۇلالايمىز؟! قۇتقۇزۇلۇش خەۋىرىنى دەسلەپتە رەببىمىز ئۇقتۇرغان، ئۇنى بىۋاسىتە ئاڭلىغانلار بۇ قۇتقۇزۇلۇشنىڭ ھەقلىقى توغرىسىدا بىزگە گۇۋاھلىق بەرگەن. خۇدا كۆرسەتكەن ھەر خىل مۆجىزە، كارامەت ۋە قۇدرەتلىك ئىشلار، شۇنداقلا ئۆز ئىرادىسى بويىچە ئېتىقادچىلارغا مۇقەددەس روھنىڭ ھەدىيىلىرىنى ئاتا قىلىش ئارقىلىق بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەردى. مەن دەۋاتقان كەلگۈسى دۇنيانى خۇدا پەرىشتىلەرنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگىنى يوق. بۇ ھەقتە مۇقەددەس يازمىلارنىڭ بىر يېرىدە مۇنداق گۇۋاھلىق بېرىلگەن: «ئى خۇدا، ئادەم نېمىتى، سەن ئۇنىڭغا شۇنچە غەمخورلۇق قىلغۇدەك؟ ئادەم بالىسى نېمىتى، سەن ئۇنىڭغا شونچە كۆڭۈل بۆلگۈدەك؟ گەرچە ئۇنى پەرىشتىلەردىن بىرئاز تۆۋەن قىلغان بولساڭمۇ، شان-شەرەپ ۋە ھۆرمەت تاجىنى ئۇنىڭغا كىيدۈرۈپ، بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۇنىڭغا تىز پۈكتۈردۈڭ.» «بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۇنىڭغا تىز پۈكتۈردۈڭ» دېگىنى، ھېچقانداق نەرسە ئۇنىڭ باشقۇرۇشىنىڭ سىرتىدا ئەمەس دېگەنلىكتۇر. بىراق، بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ئۇنىڭغا تىز پۈكتۈرۈلگىنىنى تېخى كۆرمىدۇق. لېكىن، ھازىر بىز ئۆزىنى قۇربان قىلىش سەۋەبىدىن شان-شەرەپ ۋە ھۆرمەت تاجى كىيدۈرۈلگەن ئەيسا مەسىھنى كۆردۇق. ئۇ خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن پۈتكۈل ئىنسانلارنى دەپ، بىر مەزگىل پەرىشتىلەردىن تۆۋەن قىلىنىپ، ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىدى. پۈتكۈل مەۋجۇداتنى ئۆزى ئۈچۈن ۋە ئۆزى ئارقىلىق ياراتقان خۇدا نۇرغۇن پەرزەنتلەرنى ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىدىن بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى قۇتقۇزۇلۇشقا ئېلىپ بارغۇچى ئەيسا مەسىھنى ئازاب-ئوقۇبەت ئارقىلىق كامالەتكە يەتكۈزۈشنى مۇۋاپىق كۆردى. ئىنسانلارنى پاك قىلغۇچى ئەيسا مەسىھ بىلەن پاك قىلىنغان ئىنسانلار ھەممىسى بىر ئاتىدىندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھ ئۇلارنى «قېرىنداش» دېيىشتىن نومۇس قىلماي، خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغاندەك، خۇداغا: «نامىڭنى قېرىنداشلىرىمغا جاكارلايمەن، جامائەتچىلىك ئىچىدە سېنى قوشاققا قېتىپ مەدھىيىلەيمەن» دېگەن. ئۇ يەنە: «مەن ساڭا ئىشىنىمەن» ۋە «قاراڭلار، مانا مەن بۇ يەردە خۇدا ماڭا ئاتا قىلغان پەرزەنتلەر بىلەن بىللە» دېگەن. پەرزەنتلەرنىڭ تېنى گۆش بىلەن قاننىڭ گەۋدىسى بولغاچقا، ئەيسا مەسىھمۇ شۇ پەرزەنتلەرنىڭكىگە ئوخشاش گەۋدىدە بولدى. بۇنداق قىلىشتىن مەقسەت، ئۇ ئۆز ئۆلۈمى ئارقىلىق ئۆلۈم ھوقۇقىنى تۇتقان شەيتاننىڭ كۈچىنى بىكار قىلىپ، ئۆمۈر بويى ئۆلۈم قورقۇنچىنىڭ قۇلى بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئازادلىققا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئىدى. ناھايىتى روشەنكى، ئەيسا مەسىھ پەرىشتىلەرگە ئەمەس، ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرىغا ياردەم بېرىشكە كەلدى. شۇڭا، ئۇ ھەر جەھەتتىن قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش بولۇشى كېرەك ئىدى. شۇنداق بولغاندا، ئۇ خۇدانىڭ خىزمىتىدە رەھىمدىل ۋە سادىق باش روھانىي بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنى خۇدانىڭ كەچۈرۈشىگە ئېرىشتۈرىدىغان قۇربانلىقنى بېرەلەيتتى. ئۇ سىناقلارنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرۈپ، ئازاب چەككەچكە، سىناقلارغا دۇچ كەلگەنلەرگە ياردەم بېرەلەيدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئەي ماڭا ئوخشاش ئەرشكە چاقىرىلغان، خۇداغا ئاتالغان قېرىنداشلار، ئۆزىمىز ئېتىراپ قىلغان، خۇدانىڭ ئەلچىسى ۋە باش روھانىيسى بولغان ئەيسا مەسىھ توغرۇلۇق ئويلىنىپ كۆرۈڭلار. خۇددى مۇسا پەيغەمبەر خۇدانىڭ ئائىلىسىدە خىزمەت قىلغاندا خۇداغا سادىق بولغاندەك، ئەيسا مەسىھمۇ ئۆزىنى تەيىنلەپ خىزمەتكە قويغان خۇداغا سادىق بولدى. لېكىن، ئۆي سالغۇچى ئۆزى سالغان ئۆيدىنمۇ ئارتۇق ماختىنىشقا سازاۋەر بولغىنىدەك، ئەيسا مەسىھمۇ مۇسا پەيغەمبەردىن ئارتۇق شان-شەرەپكە لايىقتۇر. ئەلۋەتتە، ھەممە ئۆينىڭ بەرپا قىلغۇچىسى باردۇر، پۈتۈن مەۋجۇداتنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى بولسا خۇدادۇر. مۇسا پەيغەمبەر بىر خىزمەتكار بولۇش سالاھىيىتى بىلەن خۇدانىڭ ئائىلىسىدە سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلغان. ئۇنىڭ خىزمىتى بولسا خۇدانىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئاشكارىلىماقچى بولغان ھەقىقەتلىرىگە زېمىن ھازىرلاشتىن ئىبارەت ئىدى. لېكىن، ئەيسا مەسىھ بولسا ئوغۇل بولۇش سالاھىيىتى بىلەن خۇدانىڭ ئائىلىسىنى سادىقلىق بىلەن باشقۇردى. ئەگەر بىز جاسارىتىمىزنى ۋە ئىپتىخارلىنىدىغان ئۈمىدىمىزنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرساق، خۇدانىڭ ئاشۇ ئائىلىسىگە تەۋە بولغان بولىمىز. گەرچە ئەجدادلىرىڭلار قىلغانلىرىمنى ئۇدا قىرىق يىلغىچە كۆرگەن بولسىمۇ، يەنىلا مېنىڭ سەۋر-تاقىتىمنى سىنىغانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ زاماننىڭ كىشىلىرىگە غەزەپلەندىم ۋە دېدىمكى: ˜ئۇلارنىڭ قەلبى مەندىن يىراق. مېنىڭ يولۇمنى چۈشەنمەيدۇ. شۇڭا، غەزەپلەنگىنىمدە قەسەم قىلغىنىمدەك، ئۇلار ئاراملىقىمدىن ھەرگىزمۇ بەھرىمەن بولالمايدۇ.Œ» ئەي قېرىنداشلار، ھەرقايسىڭلار قەلبىڭلارنىڭ يامان نىيەت ۋە ئېتىقادسىزلىققا تولۇپ، مەڭگۈ ھايات خۇدادىن يۈز ئۆرۈمەسلىكىگە دىققەت قىلىڭلار. ھېچقايسىڭلارنىڭ قەلبىنىڭ گۇناھنىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن جاھىللاشماسلىقى ئۈچۈن، «بۈگۈن»لا بولىدىكەن، بىر-بىرىڭلارنى رىغبەتلەندۈرۈڭلار. دەسلەپتىكى ئىشەنچىمىزنى بوشاشتۇرماي ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرساقلا، ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە ھەممىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىمىز. يۇقىرىدا ئېيتىلغىنىدەك، «بۈگۈن خۇدانىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىڭلاردا، ئەجدادلىرىڭلار خۇداغا ئاسىيلىق قىلغان كۈنلەردىكىدەك جاھىللىق قىلماڭلار.» خۇدانىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلغانلار كىملەر ئىدى؟ مۇسا پەيغەمبەر غەلىبىلىك ھالدا مىسىردىن ئېلىپ چىققان ئاشۇ ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى ئەمەسمۇ؟ خۇدا قىرىق يىل كىملەرگە غەزەپلەندى؟ يەنىلا شۇ گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، جەسەتلىرى چۆلدە قالغانلارغا ئەمەسمۇ؟ خۇدا كىملەرنى ئۆز ئاراملىقىدىن بەھرىمەن قىلماسلىققا قەسەم قىلدى؟ خۇداغا ئىتائەت قىلمىغانلارنى ئەمەسمۇ؟ بۇلاردىن كۆرۈۋالالايمىزكى، ئۇلار ئېتىقادسىز بولغانلىقى ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئاراملىقىدىن بەھرىمەن بولالمىدى. بىراق، خۇدانىڭ ئاراملىقىدىن بەھرىمەن بولۇش توغرىسىدىكى ۋەدىسى بىز ئۈچۈن ئىناۋەتلىكتۇر. شۇڭا، ئارىمىزدىكى بىرەرسىنىڭمۇ چۈشۈپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلايلى. خۇدانىڭ ئاراملىقى ھەققىدىكى بۇ خۇش خەۋەر خۇددى چۆلدىكى ئىسرائىللارغا ئاڭلىتىلغاندەك بىزلەرگىمۇ ئاڭلىتىلدى. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئاڭلىغانلىرى ئېتىقادى بىلەن يۇغۇرۇلمىغانلىقتىن، ئۇلارغا ھېچقانداق پايدىسى بولمىغانىدى. بىز ئېتىقادچىلار بۇ ئاراملىقتىن بەھرىمەن بولالايمىز. لېكىن، ئىشەنمىگەنلەرگە كەلسەك، دەل خۇدانىڭ ئېيتقىنىدەك: «شۇڭا، غەزەپلەنگىنىمدە قەسەم قىلغىنىمدەك، ئۇلار ئاراملىقىمدىن ھەرگىز بەھرىمەن بولالمايدۇ.» خۇدا دۇنيانى ياراتقاندىلا، ھەممە ئىشنى تاماملىغانىدى. چۈنكى، يارىتىلىشنىڭ يەتتىنچى كۈنى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلارنىڭ بىر ئايىتىدە مۇنداق دېيىلگەن: «يەتتىنچى كۈنى كەلگەندە، خۇدا يارىتىش ئىشىنى تاماملاپ ئارام ئالدى.» دېمەك، خۇدانىڭ ئاراملىقى ئاللىبۇرۇن مەۋجۇت ئىدى. بىراق، يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك خۇدا: «ئۇلار ئاراملىقىمدىن ھەرگىز بەھرىمەن بولالمايدۇ» دېگەن. بۇنىڭدىن بىلىمىزكى، خۇدانىڭ ئاراملىقى توغرىسىدىكى بۇ خۇش خەۋەرنى ئاۋۋال ئاڭلىغانلار خۇداغا ئىتائەتسىزلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئاراملىقتىن بەھرىمەن بولالمىدى. لېكىن، بۇ ئاراملىقتىن چوقۇم بەھرىمەن بولالايدىغانلار بار. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا ئەنە شۇ ئاراملىقتىن بەھرىمەن بولالايدىغانلارنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇزاق ۋاقىتتىن كېيىن مەلۇم بىر كۈننى «بۈگۈن» دەپ بېكىتىپ، بۇرۇن ئېيتقان تۆۋەندىكى سۆزلەرنى داۋۇت پادىشاھ ئارقىلىق زەبۇردا يەنە ئېيتقان: «بۈگۈن خۇدانىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىڭلاردا، جاھىللىق قىلماڭلار.» ئەگەر خۇدانىڭ ئاراملىقى ئەجدادىمىز يەشۇ ئىسرائىللارنى خۇدا بېرىشكە ۋەدە قىلغان قانان زېمىنىغا باشلاپ كىرگەندىكى ئاراملىق بولسىدى، خۇدا كېيىن يەنە ئاراملىق ھەققىدە توختىلىپ، «بۈگۈن» دېمىگەن بولاتتى. قىسقىسى، خۇدانىڭ يەتتىنچى كۈنىدىكى ئاراملىقى خۇدانىڭ ئۆز بەندىلىرىنى كۈتۈۋاتىدۇ. خۇدانىڭ ئاراملىقىغا كىرگۈچىلەر خۇددى خۇدا دۇنيانى يارىتىش ئىشىدىن ئارام ئالغاندەك، ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىدىن ئارام ئالىدۇ. شۇڭا، خۇداغا ئەنە شۇ ئىسرائىللاردەك ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، يىقىلىپ چۈشمەسلىكىمىز ئۈچۈن، ھەربىرىمىز بۇ ئاراملىقتىن بەھرىمەن بولۇشقا تىرىشايلى. خۇدانىڭ سۆزى ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولغان ئۈنۈملۈك سۆزدۇر. ئۇ ھەرقانداق قوش بىسلىق قىلىچتىنمۇ ئىتتىك بولۇپ، جان بىلەن روھنى، يىلىك بىلەن بوغۇملارنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتەلىگۈدەك ئۆتكۈرلۈك بىلەن كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە كىرىپ، ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ئارزۇ-ھەۋەس ۋە ئوي-پىكىرلىرىنى پاش قىلىدۇ. خۇدادىن يوشۇرۇنالايدىغان ھېچقانداق مەۋجۇدات يوقتۇر. بىز ھېساب بېرىدىغان خۇدا ئالدىدا ھەممە نەرسە ئوچۇق-ئاشكارىدۇر. خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھ بىزنىڭ ئەرشكە چىقىپ كەتكەن ئۇلۇغ باش روھانىيىمىز بولغاچقا، ئېتىراپ قىلغان ئېتىقادىمىزدا چىڭ تۇرايلى. چۈنكى، بىزنىڭ بۇ باش روھانىيىمىز ئاجىزلىقلىرىمىزغا ھېسداشلىق قىلماي قالمايدۇ. ئۇمۇ بىزگە ئوخشاش ھەر خىل سىناقلارغا دۇچ كەلگەن، لېكىن گۇناھ سادىر قىلىپ باقمىغاندۇر. شۇڭا، يۈرىكىمىز توق ھالدا مېھىر-شەپقەتلىك خۇدانىڭ تەختىگە يېقىنلىشايلى. بۇنىڭ بىلەن، خۇدانىڭ رەھىم-شەپقىتىگە ئېرىشىپ، ئېھتىياجلىق ۋاقتىمىزدا ياردەمگە ئىگە بولالايمىز. ھەر قېتىملىق باش روھانىي كىشىلەر ئارىسىدىن تاللىنىپ، ئۆز خەلقىگە ۋاكالىتەن خۇداغا خىزمەت قىلىشقا تەيىنلىنىپ، ئۇلارنىڭ خۇداغا ئاتالغان ھەدىيىلىرىنى ۋە گۇناھلىرى ئۈچۈن قىلغان قۇربانلىقلىرىنى خۇداغا سۇنىدۇ ۋە خۇدانىڭ يولىنى بىلمەي يولدىن چەتنىگەنلەرگە مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلالايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭمۇ نۇرغۇن ئاجىزلىقلىرى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ خەلقىنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈنلا ئەمەس، ئۆز گۇناھلىرى ئۈچۈنمۇ قۇربانلىق سۇنۇشى كېرەك. ھېچبىر كىشى باش روھانىي مەرتىۋىسىگە ئۆزلۈكىدىن ئېرىشەلمەيدۇ، پەقەت ھارۇنغا ئوخشاش، خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغاندىلا بۇ مەرتىۋىگە ئېرىشەلەيدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك ئەيسا مەسىھمۇ باش روھانىي مەرتىۋىسىگە ئۆزلۈكىدىن ئېرىشكەن ئەمەس. بەلكى خۇدا ئۇنى تەيىنلەپ، ئۇنىڭغا: «سەن مېنىڭ ئوغلۇمسەن، بۈگۈن مەن سېنىڭ ئاتاڭ ئىكەنلىكىمنى جاكارلىدىم» دېگەن. مۇقەددەس يازمىلارنىڭ يەنە بىر يېرىدە خۇدا ئۇنىڭغا: «سەن مالكىسىدىققا ئوخشاش تەرتىپتە تەيىنلەنگەن مەڭگۈلۈك روھانىيسەن» دېگەن. ئەيسا مەسىھ يەر يۈزىدىكى ۋاقتىدا، ئۆزىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزالايدىغان خۇدانىڭ ئالدىدا قاتتىق يىغلاپ تۇرۇپ، كۆز ياشلىرى بىلەن دۇئا-تىلاۋەت قىلغان. ئۇنىڭ ئىخلاسمەنلىكىدىن دۇئالىرى خۇداغا يەتكەنىدى. گەرچە ئۇ خۇدانىڭ ئوغلى بولسىمۇ، ئازاب چېكىش جەريانىدا ئىتائەتمەن بولۇشنى ئۆگەندى. ئۇ مانا مۇشۇنداق پۈتۈنلەي ئىتائەتمەن بولغاچقا، مۇكەممەل باش روھانىي بولۇش ھۆددىسىدىن چىقىپ، ئۆزىگە ئىتائەت قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك قۇتقۇزۇلۇش مەنبەسى بولدى. ئۇ خۇدا تەرىپىدىن خۇددى مالكىسىدىققا ئوخشاش تەرتىپتە باش روھانىي قىلىپ جاكارلاندى. بۇ ھەقتە ئېيتىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن سۆزلىرىم بار، لېكىن چۈشىنەي دېمەي ئاڭلاپلا قويساڭلار، بۇنى سىلەرگە چۈشەندۈرۈش تەس. گەرچە سىلەر ئاللىبۇرۇن تەلىم بەرگۈچى بولۇشقا تېگىشلىك بولساڭلارمۇ، بىراق ئەمەلىيەتتە سىلەر يەنىلا باشقىلارنىڭ خۇدانىڭ سۆزى توغرىسىدىكى ئاساسىي بىلىملەرنى باشتىن ئۆگىتىشىگە موھتاجسىلەر. دېمەك، سىلەرگە يېمەكلىك ئەمەس، بەلكى يەنىلا سۈت كېرەك. چۈنكى، پەقەت سۈتكىلا تايىنىدىغانلار بوۋاقتىن پەرقسىز بولۇپ، ئۇلاردا ھەققانىيەت ھەققىدىكى تەلىملەرنى ئىگىلەش تەجرىبىسى كەمدۇر. يېمەكلىك بولسا يېتىلگەنلەر ئۈچۈندۇر. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئېڭى يېتىلىش جەريانىدا ياخشى-ياماننى پەرق ئېتىشكە كۆنگەندۇر. خۇدا خالىسا، بىز شۇنداق قىلىمىز. بەزى ئادەملەرنى توۋا قىلدۇرۇپ، قايتىدىن خۇدا يولىغا باشلاش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، ئۇلار بىر چاغلاردا خۇدانىڭ نۇرى بىلەن يورۇتۇلغان، خۇدانىڭ ئىلتىپاتىدىن بەھرىمەن بولغان، مۇقەددەس روھقا ئورتاق بولغان، خۇدانىڭ سۆزىنىڭ ياخشىلىقىنى ۋە كېلىدىغان زاماندا خۇدا ئايان قىلىدىغان قۇدرەتلەرنى ھېس قىلغان بولسىمۇ، ۋەھالەنكى ئۇلار خۇدادىن ۋاز كەچتى، خۇدانىڭ ئوغلىنى رەت قىلدى. بۇ، خۇدانىڭ ئوغلىنى كرېستكە قايتا مىخلىغان ھەمدە ئۇنىڭغا داغ كەلتۈرگەن بىلەن باراۋەردۇر. پات-پات ياغقان يامغۇردىن تېرىغۇچىلارغا پايدىلىق زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈپ بەرگەن يەر خۇدادىن بەرىكەت ئالىدۇ. ئەكسىچە، تىكەن ۋە قامغاق ئۆستۈرگەن يەر پايدىسىزلىقىدىن خۇدانىڭ لەنىتىگە قېلىپ، ئاخىرى كۆيدۈرۈلىدۇ. سىلەرگە كەلسەم، قەدىرلىك قېرىنداشلار، گەرچە يۇقىرىقى ئىشلارنى تىلغا ئالغان بولساممۇ، ئەھۋالىڭلارنىڭ بۇنىڭدىن ياخشى ئىكەنلىكىگە ۋە قۇتقۇزۇلۇشقا ئېلىپ بارىدىغان يولدا مېڭىۋاتقانلىقىڭلارغا ھەقىقىي ئىشىنىمەن. خۇدا ئادالەتسىز ئەمەستۇر. ئۇ ھەرگىز سىلەرنىڭ ئۇنىڭغا سىڭدۈرگەن ئەجرىڭلار ۋە ئېتىقادچىلارغا قىلىپ كېلىۋاتقان خىزمىتىڭلار ئارقىلىق كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىڭلارنى ئۇنتۇمايدۇ. پۈتۈن ئۈمىدىڭلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن، ھەربىرىڭلارنىڭ ئاخىرغىچە شۇنداق غەيرەت قىلىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىمىز. شۇنداق بولغاندا، قاشاڭلاردىن بولماي، بەلكى ئۆز ئېتىقادى ۋە سەۋرچانلىقى بىلەن خۇدانىڭ ۋەدىسىگە ئېرىشىدىغانلارنى ئۈلگە قىلىدىغانلاردىن بولىسىلەر. خۇدادىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ھېچكىم بولمىغاچقا، خۇدا ئىبراھىمغا ۋەدە قىلغاندا، ئۆز نامى بىلەن قەسەم قىلىپ مۇنداق دېدى: «ساڭا چوقۇم بەخت ئاتا قىلىپ، نۇرغۇن ئەۋلادلارنى بېرىمەن.» شۇنىڭ بىلەن، ئىبراھىم سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتۈپ، خۇدانىڭ ۋەدىسىگە ئېرىشتى. ئىنسانلار ئۆزلىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىرىنى تىلغا ئېلىپ، قەسەم قىلىدۇ. قەسەم ئىسپات ھېسابلانغانلىقى ئۈچۈن، ھەر خىل تالاش-تارتىشلارغا خاتىمە بېرىدۇ. شۇنىڭدەك، خۇدا ئۆز ۋەدىسىگە ئېرىشىدىغان كىشىلەرگە ئۆز ئىرادىسىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى ئوچۇق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ۋەدە بەرگەندە قەسەم قىلدى. خۇدانىڭ بىزگە بەرگەن ۋەدىسى ۋە قەسىمى ھەرگىز ئۆزگەرمەيدۇ. چۈنكى، خۇدا يالغان سۆزلىمەيدۇ. شۇڭا، خۇدادىن پاناھلىنىۋاتقان بىزلەر ئۇنىڭ ۋەدىسى ۋە قەسىمىدىن كۆپ ئىلھامغا ئېرىشىپ، كۆز ئالدىمىزدىكى ئۈمىدتە ئىشەنچ بىلەن چىڭ تۇرالايمىز. بۇ ئۈمىد ھاياتىمىزغا نىسبەتەن خۇددى چىڭ ئىلىنغان كېمە لەڭگىرىدەك مۇستەھكەم بولۇپ، ئۇ بىزنى ئەرشتىكى ئىبادەتخانا پەردىسىدىن ئۆتۈپ، ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىشكە يېتەكلەيدۇ. ئەيسا مەسىھ بىزگە يول ئېچىش ئۈچۈن، ئۇ يەرگە بىزدىن ئاۋۋال كىرگەن بولۇپ، بىزلەر ئۈچۈن مالكىسىدىققا ئوخشاش تەرتىپتىكى مەڭگۈلۈك باش روھانىي بولدى. مالكىسىدىق سالىم شەھىرىنىڭ پادىشاھى ھەم ئۇلۇغ خۇدانىڭ روھانىيسى بولۇپ، ئىبراھىم بىرقانچە پادىشاھنى يېڭىپ جەڭدىن قايتقان چاغدا، ئۇ ئىبراھىم بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئۇنىڭغا بەخت تىلىگەنىدى. ئىبراھىممۇ ئېرىشكەن ئولجىسىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئۇنىڭغا ئاتىغانىدى. مالكىسىدىق دېگەن ئىسىمنىڭ مەنىسى «ھەققانىيەت پادىشاھى» دېگەنلىكتۇر. ئۇ سالىم شەھىرىنىڭ پادىشاھى بولۇپ، «سالىم پادىشاھى» دېگەننىڭ مەنىسى «ئامانلىق پادىشاھى» دېگەنلىكتۇر. مۇقەددەس يازمىلاردا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى، ئۇرۇق-ئەۋلادى، نەسەبى ھەمدە ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ باشلىنىشى ۋە ئاخىرلىشىشى توغرىسىدا بىرەر خاتىرە يوقتۇر. ئۇ خۇددى خۇدانىڭ ئوغلىدەك مەڭگۈلۈك روھانىيدۇر. مالكىسىدىق نېمىدېگەن ئۇلۇغ ئادەم-ھە! ھەتتا ئەجدادىمىز ئىبراھىممۇ ئولجىسىنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۇنىڭغا ئاتىغان. لاۋىينىڭ ئەۋلادلىرىدىن روھانىي بولغانلار تەۋرات قانۇنى بويىچە خەلقتىن، يەنى ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش ئىبراھىمنىڭ نەسلى بولۇشىغا قارىماي، تاپقىنىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى يىغىشى كېرەك ئىدى. لېكىن مالكىسىدىققا كەلسەك، ئۇ لاۋىي قەبىلىسىدىن بولمىسىمۇ، ئىبراھىم ئېرىشكەن ئولجىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى قوبۇل قىلىپ، ئىبراھىمغا - خۇدانىڭ ۋەدىسىگە ئىگە بولغان بىر ئادەمگە بەخت تىلىگەن. شۈبھىسىزكى، بەخت تىلىگۈچى بەختكە ئېرىشكۈچىدىن ئۈستۈندۇر. ئوندىن بىر ئۈلۈشنى يىغىدىغان لاۋىي روھانىيلار بەرىبىر ئۆلىدىغانلاردۇر. بىراق، ئىبراھىمدىن ئوندىن بىر ئۈلۈشنى قوبۇل قىلغان مالكىسىدىق بولسا مۇقەددەس يازمىلاردا گۇۋاھلىق بېرىلگەندەك يەنىلا ھاياتتۇر. ھەتتا مۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئوندىن بىر ئۈلۈشنى ئالىدىغان روھانىي لاۋىيلارمۇ ئەجدادى ئىبراھىم ئارقىلىق مالكىسىدىققا ئوندىن بىر ئۈلۈشنى بەرگەن. چۈنكى، مالكىسىدىق ئىبراھىمنى قارشى ئالغاندا لاۋىيلار تېخى تۇغۇلمىغان بولسىمۇ، ئۇلارنى يەنىلا ئەجدادى ئىبراھىمنىڭ ۋۇجۇدىدا، دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئىسرائىل خەلقىگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدىكى روھانىيلىق تۈزۈمى لاۋىي قەبىلىسىنىڭ روھانىيلىرى ئارقىلىق يۈرگۈزۈلەتتى. بىراق، ئەگەر خۇدانىڭ ئىنسانلارنى گۇناھتىن پاك قىلىش مەقسىتى بۇ روھانىيلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقان بولسا، ئۇنداقتا بۇ خىل تۈزۈم ئاساسىدا تەيىنلەنگەن ھارۇندەك تەرتىپتىكى ئەمەس، بەلكى مالكىسىدىقتەك تەرتىپتىكى يەنە بىر روھانىينىڭ كېلىشىنىڭ نېمە ھاجىتى بار ئىدى؟ روھانىيلىق تەرتىپى ئۆزگەرتىلگەچكە، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك روھانىيلىق تۈزۈمىمۇ ئۆزگەرتىلىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ ئېيتىلىۋاتقان سۆزلەر دەل ئەيسا مەسىھكە قارىتىلغان. ئۇ باشقا بىر قەبىلىدىن بولۇپ، بۇ قەبىلىدىن ھېچكىم قۇربانلىق سۇپىسىدا خىزمەتتە بولۇپ باقمىغان. رەببىمىز ئەيسانىڭ يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئىكەنلىكى ئېنىق. مۇسا پەيغەمبەر روھانىيلار ھەققىدە توختالغاندا، بۇ قەبىلە توغرىسىدا بىر نەرسە دېمىگەنىدى. مالكىسىدىقتەك تەرتىپتىكى باشقا بىر روھانىينىڭ مەيدانغا كېلىشى روھانىيلىق تۈزۈمىنىڭ ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىقلاشتۇردى. ئۇنىڭ روھانىيلىققا تەيىنلىنىشى بولسا پۈتمەس-تۈگىمەس ھاياتلىق قۇدرىتىگە ئىگە بولغانلىقىدىن بولۇپ، ھەرگىز روھانىي بولغۇچى لاۋىي قەبىلىسىگە تەۋە بولۇش كېرەك دېگەن تۈزۈم بويىچە بولمىدى. بۇ ھەقتە مۇقەددەس يازمىلاردا: «سەن مالكىسىدىققا ئوخشاش تەرتىپتە تەيىنلەنگەن مەڭگۈلۈك روھانىيسەن» دەپ گۇۋاھلىق بېرىلگەن. ئالدىنقى تۈزۈم ئاجىزلىقى ۋە پايدىسىزلىقى تۈپەيلىدىن كۈچىدىن قالدى. چۈنكى، تەۋرات قانۇنى ھېچ كىشىنى كامالەتكە يەتكۈزەلمىدى. شۇڭا، ئۇنىڭ ئورنىغا بىزنى خۇداغا يېقىنلاشتۇرىدىغان تېخىمۇ ياخشى ئۈمىد بېرىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ئۈمىد خۇدانىڭ قەسىمى بىلەن كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. ئىلگىرى ئۆتكەن روھانىيلار خۇدانىڭ قەسىمىسىز روھانىي بولغانىدى. لېكىن، ئەيسا مەسىھ بولسا خۇدانىڭ ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگارىڭ قەسەم قىلدى، ئۇ قەسىمىدىن ھەرگىز يانمايدۇ، سەن مەڭگۈلۈك روھانىيسەن» دېگەن قەسىمى بىلەن روھانىي بولدى. دېمەك، ئەيسا مەسىھ تېخىمۇ ياخشى بىر ئەھدىنىڭ كېپىلى قىلىندى. يەنە كېلىپ، ئىلگىرى ئۆتكەن كۆپ روھانىيلار ئۆلۈم تۈپەيلىدىن ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالغاچقا، بىرىنىڭ ئورنىغا يەنە بىرى چىققان. لېكىن، ئەيسا مەسىھ مەڭگۈ ھايات بولغاچقا، ئۇنىڭ روھانىيلىقى مەڭگۈلۈكتۇر. شۇ سەۋەبتىن، ئەيسا مەسىھ ئۆزى ئارقىلىق خۇدانىڭ ئالدىغا كەلگەنلەرنى ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇشقا قادىردۇر. ئۇ مەڭگۈ ھايات بولۇپ، ئۇلار ئۈچۈن خۇداغا مۇراجىئەت قىلىدۇ. ئەيسا مەسىھ دەل بىزنىڭ ھاجىتىمىزدىن چىقىدىغان باش روھانىيدۇر. ئۇ مۇقەددەس، ئەيىبسىز، پاك بولۇپ، گۇناھكارلاردىن ئايرىۋېتىلىپ، ئەرشتىكى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا ئېلىپ چىقىلدى. ئۇ ئىلگىرىكى باش روھانىيلاردەك ھەر كۈنى ئالدى بىلەن ئۆز گۇناھلىرى ئۈچۈن، كېيىن خەلقنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن قۇربانلىق سۇنۇشقا موھتاج ئەمەس. چۈنكى، ئۇ ئۆزىنى قۇربان قىلغاندا، ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن قىلىنىدىغان قۇربانلىقنى بىر يولىلا ئادا قىلدى. تەۋرات قانۇنى ئاجىز بولغان ئىنساننى باش روھانىي قىلىپ تەيىنلەيتتى، لېكىن تەۋرات قانۇنىدىن كېيىن خۇدا قەسەم بىلەن قىلغان ئەھدىسى ئارقىلىق، مەڭگۈلۈك كامالەتكە يەتكۈزۈلگەن ئوغلىنى باش روھانىي قىلىپ تەيىنلىدى. ئېيتقانلىرىمنىڭ ئاساسىي نۇقتىسى شۇكى: ئەرشتىكى ئۇلۇغ خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرىدىغان بىر باش روھانىيىمىز بار. ئۇ ئەڭ مۇقەددەس جايدا، يەنى ئىنسان ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا قۇرغان ھەقىقىي ئىبادەت چېدىرىدا خىزمەت قىلماقتا. ھەربىر باش روھانىي خۇداغا ھەدىيە ۋە قۇربانلىقلار سۇنۇش ئۈچۈن تەيىنلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىزنىڭ باش روھانىيىمىزمۇ خۇداغا بىرەر نەرسە سۇنۇشى كېرەك ئىدى. ئەگەر ئۇ يەر يۈزىدە بولسىدى، ھەرگىز روھانىي بولمايتتى. چۈنكى، بۇ يەردە تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىپى بويىچە خۇداغا ھەدىيە سۇنىدىغان روھانىيلار ئاللىبۇرۇنلا باردۇر. بۇ روھانىيلار خىزمەت قىلىدىغان ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭدا قىلىنىدىغان خىزمەتلەر پەقەتلا ئەرشتىكى چېدىرنىڭ ۋە ئۇنىڭدا قىلىنىدىغان خىزمەتلەرنىڭ كۆچۈرۈلمە نۇسخىسى ۋە كۆلەڭگىسىدۇر. دەرۋەقە، مۇسا پەيغەمبەر دەل ئىبادەت چېدىرىنى قۇرماقچى بولۇۋاتقاندا، خۇدا ئۇنىڭغا: «بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن ساڭا تاغدا كۆرسەتكەن نۇسخا بويىچە ئېھتىيات بىلەن ياسالسۇن» دەپ ئاگاھلاندۇرغان. ئەيسا مەسىھكە بېرىلگەن روھانىيلىق ۋەزىپىسى بولسا باشقا روھانىيلارنىڭكىدىن كۆپ ئۈستۈندۇر. شۇنىڭدەك، خۇدا بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدا ئۇ ئارقىلىق تۈزۈلگەن كېيىنكى ئەھدە دەسلەپكى ئەھدىدىن كۆپ ئۈستۈندۇر. چۈنكى، بۇ ئەھدە تېخىمۇ ياخشى ۋەدىلەر ئۈستىگە قۇرۇلغان. ئەگەر دەسلەپكى ئەھدە نۇقسانسىز بولسا ئىدى، كېيىنكىسىنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى بولمىغان بولاتتى. لېكىن، خۇدا ئۆز خەلقىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېگەن: «ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقلىرى بىلەن يېڭى بىر ئەھدە تۈزىدىغان كۈنلەر كېلىدۇ. بۇ ئەھدە مەن ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنى مىسىردىن چىقىرىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ تۈزگەن ئەھدىدەك بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئەھدەمگە سادىق بولمىدى، شۇڭا، مەنمۇ ئۇلاردىن نەزىرىمنى يۆتكىدىم. ئۇ كۈنلەردىن كېيىن، ئىسرائىل خەلقى بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەم مۇنداق: قانۇنلىرىمنى ئۇلارنىڭ ئەقلىگە سالىمەن، قەلبىگە پۈتىمەن. مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. ئۇلارمۇ مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ. ھېچكىمنىڭ ئۆز يۇرتدىشىغا، ئۆز قېرىندىشىغا: ˜پەرۋەردىگارنى تونۇڭلارŒ دەپ ئەقىل ئۆگىتىشىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. چۈنكى، گادايدىن خانغىچە ھەممىسى مېنى تونۇيدۇ. يامانلىقلىرىنى كەچۈرىمەن، گۇناھلىرىنى كۆڭلۈمدە ساقلىمايمەن.» دېمەك، خۇدا بۇ ئەھدىنى «يېڭى» دېيىش ئارقىلىق بۇرۇنقىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ۋاقتى ئۆتكەن، كونىرىغان نەرسە ئۇزۇن ئۆتمەي يوقىلىدۇ. كونا ئەھدە دەۋرىدە ئىبادەت قائىدىلىرى ۋە ئىنسانلار بەرپا قىلغان ئىبادەت جايى بار ئىدى. ئىبادەت جايىدا بىر چېدىر تىكىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ مۇقەددەس جاي دەپ ئاتالغان بۆلۈمىدە چىراغدان، شىرە، شىرە ئۈستىدە بولسا خۇداغا ھەدىيە قىلىنغان نانلار بولاتتى. ئۇ يەردىكى پەردىنىڭ كەينىدە ئەڭ مۇقەددەس دەپ ئاتالغان يەنە بىر بۆلۈم بار ئىدى. ئالتۇن ئىسرىقدان ۋە پۈتۈنلەي ئالتۇن بىلەن قاپلانغان ئەھدە ساندۇقى ئۇ يەردە ئىدى. ساندۇقنىڭ ئىچىدە ئالتۇندىن ياسالغان، ماننا سېلىنغان كومزەك، ھارۇننىڭ بىخلىغان ھاسىسى ۋە پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختا بار ئىدى. شان-شەرەپلىك «كېرۇب»لار «مېھىر-شەپقەت تەختى» دەپ ئاتالغان ساندۇق ئاغزى ئۈستىگە ئورنىتىلغان بولۇپ، قاناتلىرى بىلەن ئۇنى يېپىپ تۇراتتى. ئەمدى مەن بۇلارنى تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمايمەن. ھەممە نەرسە مانا شۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، روھانىيلار چېدىرنىڭ «مۇقەددەس جاي» دەپ ئاتالغان بۆلۈمىگە دائىم كىرىپ، ئىبادەت خىزمىتىنى قىلاتتى. بىراق، «ئەڭ مۇقەددەس جاي» دەپ ئاتالغان ئىككىنچى بۆلۈمگە پەقەت باش روھانىي يىلدا بىر قېتىملا كىرەتتى. روھانىي ئۇ يەرگە ئۆز گۇناھلىرى ۋە خەلقنىڭ نادانلىقى تۈپەيلىدىن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ئۈچۈن ئاتالغان قۇربانلىق قېنىنى ئالماي كىرمەيتتى. بۇ ئىبادەت خىزمەتلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى بىلەن، مۇقەددەس روھ بىزگە شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، ئىبادەت چېدىرى، شۇنداقلا ئۇ ۋەكىللىك قىلغان ئىبادەت خىزمەتلىرى بارلا بولىدىكەن، ئەڭ مۇقەددەس جايغا بارىدىغان يول ئاۋام خەلققە ھەرگىز ئېچىلمايتتى. مانا بۇلار ھازىرقى زامان ئۈچۈن بىر تەجرىبە ساۋاقتۇر. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خۇداغا سۇنۇلغان ھەدىيە ۋە قۇربانلىقلار ئىبادەت قىلغۇچىنى پاك ۋىجدانلىق قىلالمايدۇ. ئۇلار پەقەت ھالال ۋە ھارام يېمەك-ئىچمەك ۋە بويىنى سۇغا سېلىش رەسمىيەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، خۇدا يېڭى تەرتىپنى ئورناتقۇچە كۈچكە ئىگە بولغان سىرتقى كۆرۈنۈش جەھەتتىكى قائىدە-نىزاملاردۇر. لېكىن، ئەيسا مەسىھ بولسا گۈزەل ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغان باش روھانىي بولۇپ، ئادەم قولى بىلەن ياسالمىغان، بۇ دۇنياغا مەنسۇپ بولمىغان، ئەرشتىكى تېخىمۇ ئۇلۇغ ۋە تېخىمۇ مۇكەممەل ئىبادەت چېدىرىغا كىردى. ئۇ بۇ ئەڭ مۇقەددەس جايغا ئۆچكە ياكى موزايلارنىڭ قۇربانلىق قېنىنى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ قۇربانلىق قېنىنى تۆكۈش ئارقىلىق بىرلا قېتىم كىردى. مۇشۇنداق قىلىپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنى يۇيۇپ، ئىنسانلارنى مەڭگۈگە ئازاد قىلدى. كونا ئەھدە دەۋرىدە ئۆچكە ۋە بۇقىلارنىڭ قېنى ھەم ئىنەكنىڭ كۈلى ناپاكلارنىڭ ئۇچىسىغا سېپىلسە، ئۇلار سىرتقى جەھەتتە تازىلىنىپ پاك بولاتتى. ئۇنداقتا، ئەيسا مەسىھنىڭ قېنىچۇ؟ ئۇ ۋىجدانىمىزنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان قىلمىشلاردىن پاك قىلىپ، بىزنى مەڭگۈ ھايات خۇداغا ئىبادەت قىلىشقا تېخىمۇ يېتەكلىمەمدۇ؟! ئۇ خۇدانىڭ مەڭگۈلۈك روھى ئارقىلىق ئۆزىنى كەم-كۈتىسىز قۇربانلىق سۈپىتىدە بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن خۇداغا ئاتىدىغۇ! شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھ خۇدا بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن يېڭى ئەھدىنىڭ ۋاسىتىچىسىدۇر. ئۇ ئارقىلىق خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغانلار ۋەدە قىلىنغان مەڭگۈلۈك مىراسقا ئېرىشەلەيدۇ. چۈنكى، ئۇ ئۇلارنى گۇناھ سادىر قىلىش سەۋەبلىك كونا ئەھدە تەرىپىدىن بېكىتىلگەن مەڭگۈلۈك ئۆلۈمدىن ئىبارەت جازادىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆلدى. ئەگەر ۋەسىيەت قالدۇرۇلسا، ۋەسىيەت قالدۇرغۇچى ئۆلمىگۈچە، ۋەسىيەت كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. چۈنكى، ۋەسىيەت پەقەت ئۆلۈمدىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ۋەسىيەت قالدۇرغۇچى ھاياتلا بولسا، ۋەسىيىتىنىڭ ھېچقانداق كۈچى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، دەسلەپكى ئەھدىمۇ قان ئېقىتىلغاندىلا، ئاندىن كۈچكە ئىگە بولغان. مۇسا پەيغەمبەر تەۋرات قانۇنىنىڭ ھەربىر ئەمرىنى پۈتۈن خەلققە ئۇقتۇرغاندىن كېيىن، موزاي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ سۇغا ئارىلاشتۇرۇلغان قېنىنى قىزىل يۇڭ يىپتا باغلانغان مارجانگۈل بىلەن قانۇن دەستۇرىغا ۋە پۈتۈن خەلققە سەپتى. ئاندىن، ئۇ: «بۇ قان ئەھدە قېنىدۇر. ئۇ خۇدا ئەمەل قىلىشىڭلارغا ئەمر قىلغان ئەھدىنى كۈچكە ئىگە قىلىدۇ» دېدى. ئۇ يەنە ئىبادەت چېدىرىغا ۋە چېدىردا قۇربانلىق قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان پۈتكۈل سايمانلارنىڭ ئۈستىگە قان سەپتى. دەرۋەقە، تەۋرات قانۇنى بويىچە ھەممە نەرسە دېگۈدەك قان بىلەن پاكلىنىدۇ. قۇربانلىق قېنى تۆكۈلمەي، گۇناھلار كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ئەرشتىكىگە تەقلىد قىلىپ ياسالغان بۇ نەرسىلەر مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن پاكلىنىشى كېرەك ئىدى. بىراق، ئەرشتىكى نەرسىلەر بولسا بۇلاردىن كۆپ ياخشى قۇربانلىقلار بىلەن پاكلىنىشى كېرەك. شۇڭا، ئەيسا مەسىھ خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا بولۇپ بىزگە ۋەكىللىك قىلىش ئۈچۈن، ئەرشتىكى ئىبادەت جايىغا تەقلىد قىلىنغان، ئادەم قولى بىلەن ياسالغان مۇقەددەس جايغا ئەمەس، بەلكى ئەرشنىڭ ئۆزىگە كىردى. ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ باش روھانىيسىدەك، يىلمۇيىل قۇربانلىق قىلىنغان ھايۋانلارنىڭ قېنىنى ئېلىپ، ئەڭ مۇقەددەس جايغا قايتا-قايتا كىرگىنى يوق. ئەگەر شۇنداق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بولغان بولسا، دۇنيا يارىتىلغاندىن بېرى ئەيسا مەسىھنىڭ قايتا-قايتا ئازاب چېكىپ قۇربان بولۇشىغا توغرا كېلەتتى. لېكىن، ئەيسا مەسىھ مانا بۇ ئاخىر زاماندا ئىنسانلارنى گۇناھتىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن، بىر يولىلا ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۆزىنى قۇربان قىلدى. ھەممە ئادەمنىڭ بىر قېتىم ئۆلۈشى ۋە ئۆلگەندىن كېيىن سوراققا تارتىلىشى بېكىتىلگەن. شۇنىڭدەك، ئەيسا مەسىھمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش ئۈچۈن، بىرلا قېتىم قۇربان بولدى. ئۇ قايتا كەلگەندە، ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ بەدىلىگە قۇربان بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى كۈتكەنلەرنى ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كېلىدۇ. تەۋرات قانۇنى ئەيسا مەسىھ كەلگۈسىدە ئېلىپ كېلىدىغان گۈزەل ئىشلارنىڭ ئۆز ئەينىنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ كۆلەڭگىسىنىلا سۈرەتلەپ بېرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، تەۋرات قانۇنى ئۆزىگە ئەمەل قىلىپ، يىلمۇيىل ئوخشاش قۇربانلىقلارنى ئاتاش ئارقىلىق خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغان ئادەملەرنى ھەرگىزمۇ گۇناھلىرىدىن پاك قىلالمايدۇ. ئەگەر پاك قىلالىغان بولسا، قۇربانلىق قىلىش ئاخىرلىشاتتى-دە، ئىبادەت قىلغۇچىلارمۇ گۇناھلىرىدىن بىراقلا پاكلىنىپ، ۋىجدانى يەنە ئۆز گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئازابلانمايتتى. ھالبۇكى، ئۇ قۇربانلىقلار ئۇلارغا ئۆز گۇناھلىرىنى ھەر يىلى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ. چۈنكى، بۇقا ۋە ئۆچكىلەرنىڭ قېنى ئىنسانلارنى گۇناھتىن ھەرگىز پاك قىلالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھ دۇنياغا كەلگەندە مۇنداق دېگەن: «ئىنسانلاردىن قۇربانلىق ۋە ھەدىيىلەرنى تەلەپ قىلمىدىڭ، لېكىن مەن ئۈچۈن بىر تەن ھازىرلىدىڭ. كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە گۇناھ ئۈچۈن سۇنۇلغان باشقا قۇربانلىقلاردىنمۇ خۇرسەن بولمىدىڭ. شۇڭا دېدىمكى، ˜ئى خۇدا، سېنىڭ قانۇن دەستۇرۇڭدا مەن توغرۇلۇق يېزىلغىنىدەك، سېنىڭ ئىرادەڭنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەلدىم.Œ» ئەيسا مەسىھ ئالدى بىلەن خۇداغا: «قۇربانلىق ۋە ھەدىيىلەرنى تەلەپ قىلمىدىڭ. كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە گۇناھ ئۈچۈن سۇنۇلغان باشقا قۇربانلىقلاردىنمۇ خۇرسەن بولمىدىڭ» دېگەن. بۇ قۇربانلىقلار تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىپى بويىچە قىلىنسىمۇ، ئۇ يەنىلا شۇنداق دېگەن. ئاندىن كېيىن، يەنە: «سېنىڭ ئىرادەڭنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەلدىم» دېگەن. دېمەك، خۇدا كېيىنكى قۇربانلىقنى كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، بۇرۇنقى قۇربانلىق قىلىش قائىدىسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. خۇدانىڭ بۇ ئىرادىسى بويىچە ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆز تېنىنىڭ بىر يولىلا قۇربان قىلىنىشى ئارقىلىق بىز گۇناھتىن پاكلىنىپ، خۇداغا ئاتالدۇق. روھانىيلار ھەر كۈنى قۇربانلىق سۇپىسى ئالدىدا تۇرۇپ، ئىبادەت خىزمىتىنى قىلىش ئۈچۈن گۇناھلارنى يۇيالمايدىغان ئوخشاش خىلدىكى قۇربانلىقلارنى خۇداغا قايتا-قايتا سۇنىدۇ. بىراق، بىزنىڭ روھانىيىمىز بولسا ئۆزىنى قۇربان قىلىش بىلەن گۇناھلارنى يۇيىدىغان بىرلا قېتىملىق، مەڭگۈ ئىناۋەتلىك قۇربانلىقنى خۇداغا سۇندى. ئاندىن ئۇ خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، دۈشمەنلىرىنىڭ ئۆز ئايىغى ئاستىدا تىز پۈكتۈرۈلۈشىنى كۈتمەكتە. ئۇ مۇشۇ بىر قۇربانلىق بىلەن ئۆزىنى خۇداغا ئاتىغان كىشىلەرنى خۇدانىڭ ئالدىدا مەڭگۈ مۇكەممەل قىلدى. مۇقەددەس يازمىلاردا خاتىرىلەنگەندەك، مۇقەددەس روھمۇ بۇ ھەقتە بىزگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. ئۇ ئاۋۋال مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ كۈنلەردىن كېيىن، ئۇلار بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەم مۇنداق: قانۇنلىرىمنى ئۇلارنىڭ قەلبىگە سالىمەن، ئەقلىگە قۇيىمەن.» ئاندىن، يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ گۇناھى ۋە يامانلىقلىرىنى كۆڭلۈمدە قايتا ساقلىمايمەن.» شۇڭا، گۇناھلار كەچۈرۈم قىلىنغانىكەن، يەنە گۇناھلار ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي قېرىنداشلار، ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىق قېنى ئارقىلىق ئەرشتىكى ئەڭ مۇقەددەس جايغا يۈرىكىمىز توق ھالدا كىرەلەيمىز. چۈنكى، ئەيسا مەسىھ ئۆز تېنىنىڭ قۇربان بولۇشى ئارقىلىق ئەرشتىكى ئىبادەتخانا پەردىسىدىن ئۆتۈپ، بىزدىن ئاۋۋال ئۇ يەرگە كىرگەن بولۇپ، ئۇ ھاياتلىققا يېتەكلەيدىغان يېڭى بىر يولنى بىزگە ئېچىپ بەردى. خۇدانىڭ ئائىلىسىگە، يەنى ئېتىقاچىلار جامائەتچىلىكىگە مەسئۇل بىر باش روھانىيىمىز بولغان ئىكەن، مۇستەھكەم ئىشەنچ ۋە سەمىمىي قەلب بىلەن خۇداغا يېقىنلىشايلى. چۈنكى، دىللىرىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ قېنىنىڭ سېپىلىشى بىلەن ۋىجدان ئازابىدىن خالاس بولغان ۋە بەدىنىمىز پاكىز سۇ بىلەن يۇيۇلغاندەك پاكلانغان. باشقىلار ئالدىدا ئېتىراپ قىلغان ئۈمىدىمىزدە ئىككىلەنمەي چىڭ تۇرايلى. چۈنكى، ۋەدە بەرگۈچى خۇدا ئىشەنچلىكتۇر. مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىش ۋە ياخشى ئىش قىلىش ئۈچۈن بىر-بىرىمىزنى قانداق رىغبەتلەندۈرۈشنى ئويلايلى. بەزىلەردەك، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدە جەم بولۇش ۋە خۇداغا ئىبادەت قىلىشتىن باش تارتمايلى. ئەكسىچە، دائىم جەم بولۇپ، بىر-بىرىمىزنى ئىلھاملاندۇرايلى. بولۇپمۇ ئەيسا مەسىھنىڭ قايتا كېلىدىغان كۈنىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى بىلگەنىكەنمىز، تېخىمۇ شۇنداق قىلايلى. ھەقىقەتنى تونۇپ تۇرۇپ، يەنىلا قەستەن گۇناھ ئۆتكۈزۈۋەرسەك، ئۇ چاغدا گۇناھلار ئۈچۈن سۇنۇلىدىغان باشقا بىر قۇربانلىق يوقتۇر. بىزگە قالىدىغىنى پەقەت سوراق ۋە خۇدا بىلەن قارشىلىشىدىغانلارنى ئۆرتەپ تۈگىتىدىغان يالقۇنلۇق ئوتنى قورقۇنچ ئىچىدە كۈتۈشتۇر. تەۋرات قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان كىشى ئىككى ياكى ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ ئىسپاتى بولسىلا، كەڭچىلىك قىلىنماي ئۆلتۈرۈلەتتى. ئۇنداقتا، بىر كىشى خۇدانىڭ ئوغلىنى دەپسەندە قىلسا، خۇدانىڭ ئەھدىسىنى كۈچكە ئىگە قىلغان ۋە ئۆزىنى پاكلىغان قانغا سەل قارىسا، ئۆزىگە شەپقەت قىلغان مۇقەددەس روھنى ھاقارەت قىلسا، تېخىمۇ ئېغىر جازاغا لايىق بولمامدۇ؟! چۈنكى، تەۋراتتا «ئىنتىقام مېنىڭ، جازاسىنى ئۆزۈم بېرىمەن» ۋە «پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى سوراققا تارتىدۇ» دېگۈچىنىڭ خۇدا ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. مەڭگۈ ھايات خۇدا تەرىپىدىن جازاغا تارتىلىش نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق-ھە! خۇدا قەلبىڭلارنى يورۇتقان ئاشۇ كۈنلەرنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. شۇ ۋاقىتلاردا، ئازاب-ئوقۇبەتلىك كۈرەشلەرگە بەرداشلىق بېرىپ، ئېتىقادىڭلاردا چىڭ تۇردۇڭلار. بەزىدە خەلقىئالەم ئالدىدا ھاقارەت ۋە خارلىنىشلارغا ئۇچرىدىڭلار. بەزىدە ئۆزۈڭلارغا ئوخشاش مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلار تەرەپتە تۇردۇڭلار. مەھبۇس ئېتىقادچىلارنىڭ دەردىگە ئورتاق بولدۇڭلار. مال-مۈلكۈڭلار بۇلانغاندىمۇ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ گۈزەل، باقىي بايلىققا ئىگە بولىدىغانلىقىڭلارنى بىلگەچكە، خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدىڭلار. شۇنىڭ ئۈچۈن، جاسارىتىڭلارنى يوقاتماڭلار. بۇ جاسارەتنىڭ ئىنئامى ئىنتايىن زوردۇر. خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىش قىلىپ، ئۇنىڭ ۋەدە قىلغانلىرىغا مۇيەسسەر بولۇش ئۈچۈن، سەۋر قىلىشىڭلارغا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدا مۇنداق دېگەن: «كەلگۈچى پات يېقىندا كېلىدۇ، كېچىكمەيدۇ. مەن ˜ھەققانىيŒ دېگەن ئادەم، ئېتىقادى بىلەن ياشايدۇ. ئەگەر ئۇ ئېتىقادىدىن يانسا، ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولمايمەن.» بىراق، بىز ئېتىقادىدىن يېنىپ ھالاك بولىدىغانلاردىن ئەمەس، بەلكى ئېتىقاد قىلىپ قۇتقۇزۇلۇشقا ئېرىشىدىغانلاردىندۇرمىز. ئېتىقاد خۇدانىڭ ۋەدىسىگە باغلانغان ئۈمىدنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچ، كۆرۈنمەيدىغان مەۋجۇتلۇققا بولغان قايىللىقتۇر. ئەجدادلىرىمىز مانا مۇشۇنداق ئېتىقاد بىلەن خۇدانىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان. بىز ئېتىقاد ئارقىلىق كائىناتنىڭ خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن يارىتىلغانلىقىنى، بىز كۆرەلەيدىغان مەۋجۇداتلارنىڭ كۆرگىلى بولىدىغاندىن بەرپا بولمىغانلىقىنى چۈشىنەلەيمىز. ھابىلنىڭ قابىلنىڭكىدىنمۇ ياخشى بىر قۇربانلىقنى خۇداغا ئاتىشى ئېتىقادى ۋەجىدىن بولدى. ھابىلنىڭ ئېتىقادى ۋەجىدىن، خۇدا ئۇنى ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىدى ۋە ئۇنىڭ ئاتىغانلىرىنى قوبۇل قىلدى. ھابىل گەرچە ئۆلگەن بولسىمۇ، ئېتىقادى بىلەن يەنىلا بىزگە سۆزلەۋاتقاندەك تۇرماقتا. ئېتىقادى ۋەجىدىن، ھانۇخ ئۆلمەي تۇرۇپلا ئەرشكە كۆتۈرۈلدى. ھېچكىم ئۇنى تاپالمىدى، چۈنكى خۇدا ئۇنى ئۆز يېنىغا ئېلىپ كەتكەنىدى. ئەرشكە كۆتۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى، ئۇنىڭ خۇدانى خۇرسەن قىلغان ئادەم ئىكەنلىكى جاكارلانغانىدى. دېمەك، ئېتىقاد بولماي تۇرۇپ، خۇدانى خۇرسەن قىلىش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، خۇدانىڭ ئالدىغا كېلىدىغان كىشى ئۇنىڭ بار ئىكەنلىكىگە ۋە ئۇنى ئىزدىگەنلەرگە ئىزدەش ئەجرىنى قايتۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىشى كېرەك. ئېتىقادى ۋەجىدىن، نۇھ پەيغەمبەر تېخى كۆرۈلۈپ باقىمغان ۋەقەلەر ھەققىدە خۇدا تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغاندا، خۇدانىڭ سۆزىگە ئىتائەت قىلىپ، پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىر كېمە ياسىدى. ھەمدە ئېتىقادى ئارقىلىق دۇنيادىكى ئادەملەرنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ جازالىنىشقا لايىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئېتىقادى ۋەجىدىن، ئۇ خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندى. ئېتىقادى ۋەجىدىن، ئىبراھىم خۇدا ئۇنىڭغا بەرمەكچى بولغان زېمىنغا چاقىرىلغاندا، ئۇ خۇداغا ئىتائەت قىلىپ، قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ يولغا چىقتى. ئۇ ۋەدە قىلىنغان جايغا بېرىپ، بۇ ياقا يۇرتتا چېدىرلاردا تۇرۇپ، ئېتىقادى بىلەن ياشىدى. خۇدانىڭ ئىبراھىمغا قىلغان ۋەدىسىنىڭ مىراسخورلىرى بولغان ئىسھاق ۋە ياقۇپلارمۇ شۇنداق چېدىرلاردا تۇردى. ئىبراھىمنىڭ شۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەب، ئۇ خۇدا تەرىپىدىن لايىھىلىنىپ سېلىنغان، ئۇلى مۇستەھكەم مەڭگۈلۈك شەھەرنى كۈتكەنىدى. گەرچە ئىبراھىم ياشىنىپ قالغان، ئايالى سارە بولسا تۇغۇت يېشىدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئىبراھىمنىڭ ئېتىقادى ۋەجىدىن، خۇدا ئۇنىڭغا پەرزەنت كۆرۈش شەرىپىنى ئاتا قىلدى. ئۇ ئۆزىگە ۋەدە قىلغان خۇدانىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. بۇنىڭ بىلەن بىر ئادەمدىن، بولۇپمۇ يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغان ئادەمدىن ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ ۋە دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك سانسىز ئەۋلادلار بارلىققا كەلدى. ئېتىقادى بار بۇ كىشىلەر خۇدا ۋەدە قىلغانلارغا مۇيەسسەر بولماي تۇرۇپلا ئالەمدىن ئۆتتى. بىراق، ئۇلار ھايات ۋاقتىدا ئېتىقادى بىلەن يىراقنى كۆرۈپ، بۇ ۋەدىلەرنىڭ كەلگۈسىدە ئەمەلگە ئېشىشىنى خۇرسەنلىك بىلەن كۈتكەن ۋە ئۆزلىرىنىڭ يەر يۈزىدە ياقا يۇرتلۇق ۋە مۇساپىر ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقانىدى. ئۇلارنىڭ بۇنداق ئېتىراپ قىلىشى ئۆزلىرى تەۋە بولغان ماكانغا تەشنا بولۇۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكتۇر. ئۇلار ئۆز يۇرتىنى سېغىنغان بولسا، قايتىپ كېتىش پۇرسىتى بولغان بولاتتى. لېكىن، ئۇلار تېخىمۇ ياخشىسىغا، يەنى ئەرشتىكى ماكانىغا تەلپۈندى. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارنىڭ خۇداسى دەپ ئاتىلىشتىن نومۇس قىلمايدۇ. خۇدانىڭ ئەرشتە ئۇلار ئۈچۈن بىر شەھەر ھازىرلىغانلىقىنىڭ ئۆزى بۇنىڭ ئىسپاتىدۇر. ئىبراھىم ئىسھاق ئۆلگەن تەقدىردىمۇ، خۇدانىڭ ئۇنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشەندى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىبراھىمغا نىسبەتەن خۇدا ئىسھاقنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈپ، قايتۇرۇپ بەردى. ئېتىقادى ۋەجىدىن، ئىسھاق ئوغۇللىرى ياقۇپ بىلەن ئەساۋنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن خەيرلىك دۇئا قىلدى. ئېتىقادى ۋەجىدىن، ياقۇپ ئالەمدىن ئۆتۈش ئالدىدا يۈسۈپنىڭ ئىككى ئوغلى ئۈچۈن خەيرلىك دۇئا قىلىپ، ھاسىسىغا تايىنىپ تۇرۇپ خۇداغا سەجدە قىلدى. ئېتىقادى ۋەجىدىن، يۈسۈپ سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندا، ئىسرائىللارنىڭ مىسىردىن چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتتى ھەمدە كېتىشىدە ئۆزىنىڭ ئۇستىخانلىرىنىمۇ ئېلىپ كېتىشنى تاپىلىدى. ئېتىقادى ۋەجىدىن، مۇسا پەيغەمبەر تۇغۇلغاندا، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئۈچ ئاي يوشۇردى. چۈنكى، ئۇلار مۇسانىڭ ئادەتتىكى بالا ئەمەس ئىكەنلىكىنى كۆردى، پادىشاھنىڭ پەرمانىدىنمۇ قورقمىدى. ئېتىقادى ۋەجىدىن، مۇسا پەيغەمبەر چوڭ بولغاندىن كېيىن، مىسىر پادىشاھىنىڭ قىزىنىڭ ئوغلى بولۇش سالاھىيىتىنى رەت قىلدى. ئۇ گۇناھلىق ئىشلارنى قىلىشتىن كېلىدىغان ۋاقىتلىق خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولۇشنىڭ ئورنىغا، خۇدانىڭ خەلقى بىلەن بىللە ئازاب چېكىشنى تاللىدى. ئۇ خۇدا ئەۋەتىشكە ۋەدە قىلغان قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئۈچۈن خارلىنىشنى، مىسىرنىڭ خەزىنىسىدىكى بايلىققا ئىگە بولۇشتىنمۇ ئەۋزەل بىلدى. چۈنكى، ئۇ ئەرشتىكى ئىنئامنى كۈتۈۋاتاتتى. ئېتىقادى ۋەجىدىن، ئۇ مىسىردىن ئايرىلدى. چۈنكى، ئۇ كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان خۇدانى كۆرۈپ تۇرغاندەك ئۇنىڭغا ئىشىنىپ، پادىشاھنىڭ غەزىپىدىنمۇ قورقماي، ئۆز يولىغا مېڭىۋەردى. ئېتىقادى ۋەجىدىن، ئۇ خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە ئىسرائىللارغا «ئۆتۈپ كېتىش» كېچىسىنىڭ تامىقىنى تەييارلاش ۋە بوغۇزلانغان قۇربانلىقلارنىڭ قېنىنى ئىشىك كېشەكلىرىگە سۈركەشنى بۇيرۇدى. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى جان ئالغۇچى پەرىشتىنىڭ ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغانلىرىغا تەگمەسلىكى ئۈچۈن ئىدى. ئېتىقادى ۋەجىدىن، ئىسرائىللار قىزىل دېڭىزدىن قۇرۇقلۇقتا ماڭغاندەك مېڭىپ ئۆتتى. بىراق، ئۇلارنى قوغلاپ كەلگەن مىسىرلىقلار ئۇشبۇ دېڭىزدىن ئۆتمەكچى بولغاندا، سۇ ئۇلارنى غەرق قىلدى. ئېتىقادى ۋەجىدىن، ئىسرائىللار يەتتە كۈن ئېرىخا شەھەر سېپىلىنى ئايلانغاندىن كېيىن، سېپىل ئۆرۈلدى. ئېتىقادى ۋەجىدىن، پاھىشە ئايال راھاب ئىسرائىل چارلىغۇچىلىرىنى دوستلارچە كۈتۈۋالغاچقا، خۇداغا ئىتائەت قىلمىغان ئۆز شەھىرىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆلتۈرۈلمىدى. يەنە نېمە دەي؟ گىدون، باراق، شىمشون، يىفتاخ، داۋۇت، سامۇئىل ۋە باشقا پەيغەمبەرلەر توغرىسىدا ئېيتىپ كەلسەم ۋاقىت يەتمەيدۇ. ئۇلار ئېتىقادى بىلەن ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنى بويسۇندۇردى، ئادىللىق بىلەن دۆلەت باشقۇردى، خۇدا ۋەدە قىلغانلارغا ئېرىشتى، شىرلار ئۈستىدىن غالىب كەلدى، دەھشەتلىك ئوتنى ئۆچۈردى، قىلىچتىن قېچىپ قۇتۇلدى، ئاجىزلىقتىن كۈچەيدى، جەڭلەردە باتۇرلۇق كۆرسەتتى، دۈشمەن قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلدى. ئېتىقادى ۋەجىدىن، بەزى ئاياللار ئۆلۈپ كەتكەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئۆلۈمدىن قايتۇرۇۋالدى. بەزى كىشىلەر بولسا كەلگۈسىدە ئۆلۈمدىن تىرىلىپ تېخىمۇ ياخشى بىر ھاياتلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئىسكەنجىلەرگە بەرداشلىق بېرىپ ئۆلۈشكە رازى بولدىكى، ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىپ زىنداندىن ئازاد بولۇشنى خالىمىدى. يەنە بەزىلەر مەسخىرىلەرگە ئۇچراپ قامچىلاندى، بەزىلەر ھەتتا كىشەنلىنىپ زىندانغا تاشلاندى، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلدى، ھەرە بىلەن ھەرىلىنىپ پارچىلاندى، قىلىچلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى، قوي-ئۆچكە تېرىلىرىنى يېپىنچا قىلغان ھالدا سەرسان بولۇپ يۈردى، نامراتلىقتا ياشىدى، زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرىدى، خورلاندى. چۆللەردە ۋە تاغلاردا سەرگەردان بولۇپ، ئۆڭكۈرلەردە ۋە گەمىلەردە يوشۇرۇنۇپ يۈردى. ئۇلار بۇ دۇنياغا زايە كەتكەنىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئېتىقادى بىلەن خۇدانى خۇرسەن قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرەرسىمۇ ھايات ۋاقتىدا خۇدا ۋەدە قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە تولۇق ئېرىشكىنى يوق. چۈنكى، خۇدانىڭ تېخىمۇ ياخشى بىر پىلانى بويىچە بىزمۇ خۇدا تەرىپىدىن كامالەتكە يەتكۈزۈلىدىغانلارنىڭ ئىچىدە بولغاچقا، ئۇلار بىز بىلەن بىللە خۇدانىڭ كامالەتكە يەتكۈزۈش ۋەدىسىگە ئېرىشىدۇ. بىزگە ئېتىقاد بىلەن ياشاشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ئاشۇ كىشىلەر خۇددى گۇۋاھچىلاردەك ئەتراپىمىزدا بولغانىكەن، بىزگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەر خىل ئىشلاردىن ۋە بىزنى چىرمىۋالغان گۇناھلاردىن قول ئۈزۈپ، ئالدىمىزدىكى مۇساپىنى چىداملىق بىلەن بېسىپ ئۆتەيلى. كۆزىمىز ئېتىقادىمىزنىڭ ئاساسچىسى ۋە مۇكەممەللەشتۈرگۈچىسى بولغان ئەيسا مەسىھتە بولسۇن. ئۇ ئۆزىنى كۈتكەن خۇشاللىق ئۈچۈن، كرېستتىكى ئازابقا بەرداشلىق بەردى ھەم بۇنداق ھاقارەتلىك ئۆلتۈرۈلۈشكە پىسەنت قىلمىدى. شۇنىڭدىن بۇيان، ئۇ خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرماقتا. روھىڭلار چۈشۈپ، جاسارىتىڭلارنى يوقاتماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھنىڭ گۇناھكارلارنىڭ شۇنچە خورلاشلىرىغا قانداق بەرداشلىق بەرگەنلىكىنى ئويلاپ كۆرۈڭلار. گۇناھقا قارشى كۈرىشىڭلاردا تېخى قان ئاققۇزۇش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتمىدىڭلار. خۇدانىڭ سىلەرنى ئۆز پەرزەنتلىرىم دەپ ئىلھاملاندۇرىدىغان مۇقەددەس يازمىلاردىكى مۇنۇ سۆزلىرىنى ئۇنتۇدۇڭلارمۇ؟ «پەرزەنتىم، پەرۋەردىگارنىڭ تەربىيىسىگە سەل قارىما، ئەيىبلىشىدىن روھسىزلانما، چۈنكى، پەرۋەردىگار سۆيگەنلىرىگە تەربىيە بېرىدۇ، پەرزەنتىم دەپ قوبۇل قىلغانلارنى چىۋىقلايدۇ.» ئازاب چەككىنىڭلارنى خۇدانىڭ تەربىيىسى دەپ بىلىپ، ئۇنىڭغا بەرداشلىق بېرىڭلار. چۈنكى، سىلەرنىڭ تەربىيە ئېلىشىڭلارنىڭ ئۆزى خۇدانىڭ سىلەرنى پەرزەنتىم دەپ مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. قايسى پەرزەنت ئاتىسى تەرىپىدىن تەربىيىلەنمىسۇن؟ شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ھەممىسى خۇدا تەرىپىدىن تەربىيىلىنىدۇ. ئەگەر خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى ئالىدىغان تەربىيىدىن مەھرۇم بولساڭلار، ھەقىقىي پەرزەنتكە ئەمەس، بەلكى ئاتا تەربىيىسى كۆرمىگەن ھارامدىن بولغان پەرزەنتكە ئوخشاپ قالىسىلەر. يەر-يۈزىدىكى ئاتىمىزنىڭ تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ كەلدۇق. شۇنداق ئىكەن، ئەرشتىكى ئاتىمىزغا تېخىمۇ ئىتائەت قىلىپ، ياشىشىمىز كېرەك ئەمەسمۇ؟ يەر-يۈزىدىكى ئاتىمىز بىزنى پەقەت ئۆزى مۇۋاپىق كۆرگەن يول بويىچە ۋاقىتلىق تەربىيىلەيدۇ. لېكىن، خۇدانىڭ تەربىيىسى ھەمىشە بىزنىڭ پايدىمىز ئۈچۈندۇر. ئۇ بىزنى ئۆز پاكلىقىدىن بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن تەربىيىلەيدۇ. قاتتىق تەربىيە بىلەن تۈزىتىلگەن ئادەم تۈزىتىش بېرىلگەن ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە خۇشال بولمايدۇ، كۆڭلى بۇزۇلىدۇ. بىراق، كېيىن ئۇ بۇنداق تۈزىتىش بىلەن تاۋلىنىپ، ئامانلىق ۋە ھەققانىيلىق يولىدا ماڭىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، تالغان قولۇڭلارغا مەدەت بېرىپ، پۈكۈلگەن تىزىڭلارنى رۇسلاڭلار. سىلەرگە ئەگەشكەن «ئاقساق»لارنىڭ يىقىلىپ چۈشمەسلىكى ئۈچۈن ماڭغان يولۇڭلار تۈز بولسۇن. بۇنىڭ بىلەن سىلەر ئۇلارنىڭ شىپا تېپىشىغا ياردەم بېرەلەيسىلەر. كىشىلەر بىلەن ئىناق ئۆتۈشكە ۋە پاك ياشاشقا تىرىشىڭلار. چۈنكى، پاك ياشىمىغان كىشى رەبكە يېقىنلىشالمايدۇ. دىققەت قىلىڭلاركى، ھېچكىم خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن مەھرۇم قالمىسۇن. سىلەرگە زىيان يەتكۈزىدىغان ۋە كۆپچىلىكنى زەھەرلەيدىغان، ئاداۋەتنىڭ گىياھى ئاراڭلاردا يىلتىز تارتمىسۇن. ھېچكىم جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلمىسۇن ياكى تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقىنى بىر ۋاخ تاماققا ساتقان ئەساۋغا ئوخشاش، خۇداغا بىھۆرمەتلىك قىلمىسۇن. سىلەرگە مەلۇمكى، ئەساۋ كېيىن ئاتىسىنىڭ خەيرلىك دۇئاسىنى ئېلىشنى ئويلىسىمۇ، رەت قىلىندى. ئۇ پۇشايمان قىلىپ، دۇئا ئېلىش ئۈچۈن ھەتتا كۆز ياشلىرىنى ئېقىتىپ يالۋۇرغان بولسىمۇ، كېچىككەنىدى. سىلەر ئىسرائىللار تەۋرات قانۇنىنى قوبۇل قىلغان، قول بىلەن تۇتقىلى بولىدىغان، يالقۇنلاپ ئوت يېنىپ تۇرۇۋاتقان ھەمدە قارا بۇلۇت، قاراڭغۇلۇق، قارا بوران قاپلىغان سىناي تېغىغا كەلمىدىڭلار. ئۇ جايدا چاقىرىق كانىيىنىڭ ساداسى بىلەن سۆزلىگەن ئاۋازنى ئاڭلىغانلار: «بۇنداق سۆزلەر ئەمدى بىزگە ئېيتىلمىسىكەن!» دەپ خۇداغا يالۋۇرغانىدى. چۈنكى، «ئەگەر بۇ تاغقا ھەتتا بىرەر ھايۋان يېقىن كەلسىمۇ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلسۇن» دېگەن ئەمر ئۇلارغا ناھايىتى ئېغىر كەلگەنىدى. ئۇ كۆرۈنۈش شۇنداق قورقۇنچلۇق ئىدىكى، ھەتتا مۇسا پەيغەمبەرمۇ: «بەك قورقۇپ تىترەپ كەتتىم» دېگەنىدى. سىلەر سىئون تېغىغا، يەنى مەڭگۈ ھايات خۇداغا تەئەللۇق - ئەرشتىكى يېرۇسالېمغا كەلدىڭلار. ئۇ ھېيت-مەرىكە خۇشاللىقىغا چۆمگەن ئون مىڭلىغان پەرىشتىلەر يىغىلغان، ئىسىملىرى ئەرشتە يېزىلغان تۇنجى تۇغۇلغانلار جەم بولىدىغان، پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ سوراقچىسى خۇدا بار بولغان، كامالەتكە يەتكۈزۈلگەن ھەققانىي كىشىلەرنىڭ روھلىرى مەۋجۇت بولغان، يېڭى ئەھدىنىڭ ۋاسىتىچىسى ئەيسا مەسىھ ھەم ئۇنىڭ سېپىلگەن قېنى بولغان جايدۇر. بۇ سېپىلگەن قان ھابىلنىڭ قېنىدەك ئىنتىقام دەپ ھۆركىرەپ يىغلاشنىڭ ئورنىغا، گۇناھلارنى كەچۈردۈم، دەپ كاپالەت بېرىدۇ. سىلەرگە بۇلارنى ئېيتقان خۇدادىن يۈز ئۆرۈمەسلىككە دىققەت قىلىڭلار. چۈنكى، بۇ ئالەمدە ئۆزلىرىنى ئاگاھلاندۇرغۇچى مۇسا پەيغەمبەرنى رەت قىلغان ئىسرائىللار بۇنداق قىلىشنىڭ جازاسىدىن قۇتۇلالمىغان يەردە، ئەرشتىكى بىزنى ئاگاھلاندۇرغۇچىنى رەت قىلساق، ئۇ جازادىن بىز قانداقمۇ قۇتۇلالايمىز!؟ خۇدا سىناي تېغىدىن سۆزلىگەندە، ئۇنىڭ ئاۋازى زېمىننى زىلزىلىگە كەلتۈرگەنىدى. لېكىن، ئەمدى ئۇ: «يەنە بىر قېتىم زېمىننىلا ئەمەس، ئاسماننىمۇ زىلزىلىگە كەلتۈرىمەن» دەپ ۋەدە قىلدى. «يەنە بىر قېتىم» دېگەن بۇ سۆز زىلزىلىگە كەلتۈرۈلىدىغانلارنىڭ، يەنى يارىتىلغان نەرسىلەرنىڭ زىلزىلە بىلەن يوقىتىلىپ، زىلزىلىگە كەلتۈرۈلمەيدىغانلارنىڭ مەڭگۈ ساقلىنىشىدىن ئىبارەت مەنىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، زىلزىلىگە كەلتۈرۈلمەيدىغان بىر پادىشاھلىققا مۇيەسسەر بولغىنىمىزدىن مىننەتدار بولۇپ، خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ھۆرمەت ۋە ئەيمىنىش بىلەن خۇداغا ئىبادەت قىلايلى. چۈنكى، خۇدايىمىز ھەممىنى ھالاك قىلالايدىغان ئوتقا ئوخشايدۇ. بىر-بىرىڭلارغا ھەمىشە قېرىنداشلارچە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار. ناتونۇش كىشىلەرگە مېھماندوست بولۇشنى ئۇنتۇماڭلار. چۈنكى، بەزىلەر مېھماندوستلۇق بىلەن بىلمەستىن پەرىشتىلەرنى مېھمان قىلغان. زىندانغا تاشلانغان ئېتىقادچىلارنى ئۇلار بىلەن بىللە زىنداندا تۇرغاندەك ياد ئېتىپ، ياردەم قىلىڭلار. خورلانغانلارنى خۇددى ئۆزۈڭلارمۇ خورلانغاندەك ھېس قىلىپ، ياد ئېتىپ تۇرۇڭلار. ھەممە ئادەم نىكاھقا ھۆرمەت قىلسۇن. ئەر-خوتۇن بىر-بىرىگە سادىق بولسۇن. چۈنكى، خۇدا نىكاھسىز جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغانلار ۋە جورىسىغا سادىق بولمىغانلاردىن ھېساب ئالىدۇ. ئۆزۈڭلارنى مال-دۇنياغا ئۇرماڭلار. بارىغا قانائەت قىلىڭلار. تەۋراتتا خۇدا مۇنداق دېگەن: «سەندىن ئەسلا ئايرىلمايمەن، سېنى ئەسلا تاشلىمايمەن.» شۇڭا، زەبۇردا يېزىلغاندەك يۈرەكلىك ئېيتالايمىزكى: «قورقمايمەن، رەببىم ياردەمچىمدۇر. كىشىلەر مېنى نېمە قىلالىسۇن؟» خۇدانىڭ سۆزىنى سىلەرگە يەتكۈزگەن يېتەكچىلەرنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ نەقەدەر ياخشى مېۋىلەرنى بەرگەنلىكىنى ئەسلەپ، ئۇلارنىڭ ئېتىقادىدىن ئۈلگە ئېلىڭلار. ئەيسا مەسىھ تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەر خىل غەيرىي تەلىملەرنىڭ ئازدۇرۇشىغا بېرىلىپ، تۇيۇق يولغا كىرىپ قالماڭلار. ئۆزۈڭلارنى يېمەكلىكلەر توغرىسىدىكى قائىدىلەرگە رىئايە قىلىش بىلەن ئەمەس، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن مۇستەھكەملەڭلار. چۈنكى، بۇنداق قائىدىلەرگە رىئايە قىلىشنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوقتۇر. بىزلەرنىڭ شۇنداق بىر قۇربانلىق سۇپىمىز باركى، بىز ئۇنىڭدىكى گۇناھلارنىڭ بەدىلى ئۈچۈن ئاتالغان قۇربانلىقتىن بەھرىمەن بولالايمىز. ئەينى چاغدا ئىبادەت چېدىرىدا خىزمەتتە بولغان روھانىيلار بولسا گۇناھلارنىڭ بەدىلى ئۈچۈن ئاتالغان قۇربانلىقلاردىن بەھرىمەن بولالمايتتى. بۇ گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىشنىڭ كاپالىتى سۈپىتىدە ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋانلارنىڭ قېنى باش روھانىي تەرىپىدىن ئەڭ مۇقەددەس جايغا ئېلىپ كىرىلەتتى، تېنى بولسا قارارگاھنىڭ سىرتىدا كۆيدۈرۈلەتتى. شۇڭا، ئەيسا مەسىھمۇ ئۆز قېنى بىلەن خەلقنى پاك قىلىپ، خۇداغا ئاتاش ئۈچۈن، شەھەر دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدا ئازاب چېكىپ ئۆلدى. شۇنداق ئىكەن، بىزمۇ قارارگاھنىڭ سىرتىغا چىقىپ، ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇ ھاقارەتلەرگە ئۇچرىغىنىدا بەرداشلىق بەرگىنىدەك، بىزمۇ ھاقارەتلەرگە بەرداشلىق بېرەيلى. يەر-يۈزىدە مەڭگۈ مەۋجۇت بولىدىغان شەھىرىمىز يوق. بىز كەلگۈسىدىكى شەھەرگە ئىنتىلمەكتىمىز. شۇ ۋەجىدىن، ھەمىشە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا مەدھىيىلىرىمىزنى قۇربانلىق سۈپىتىدە ئاتايلى، يەنى ئۆز ئاغزىمىز بىلەن ئۇنىڭ نامىنى ئېتىراپ قىلايلى. ياخشىلىق قىلىشنى ۋە باشقىلارنى ئۆزىمىزدە بار بولغاندىن تەڭ بەھرىمەن قىلىشنى ئۇنتۇمايلى. چۈنكى، خۇدا بۇنداق قۇربانلىقلاردىن خۇرسەن بولىدۇ. يېتەكچىلىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار. ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار. چۈنكى، ئۇلار ئۆز خىزمىتىدىن خۇداغا ھېساب بەرگەچكە، ھەمىشە سىلەرگە ئاگاھ بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ خىزمىتىنىڭ غەم-ئەندىشە بىلەن ئەمەس، خۇشال-خۇراملىق بىلەن ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ گېپىگە كىرىڭلار. بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرۇڭلار. ۋىجدانىمىزنىڭ پاك ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز، ھەر جەھەتتە توغرا يولدا مېڭىشنى ئۈمىد قىلىمىز. يېنىڭلارغا پات ئارىدا قايتىپ بېرىشىم ئۈچۈن، دۇئا قىلىشىڭلارنى ئالاھىدە ئۆتۈنىمەن. ئامانلىق بەرگۈچى، يەنى مەڭگۈلۈك ئەھدىنىڭ قېنى ئارقىلىق قوي پادىسىنىڭ كاتتا قويچىسى بولغان رەببىمىز ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇدا، سىلەرنى سىلەر ئېھتىياج بولغان بارلىق ياخشى نەرسىلەر بىلەن تەمىنلەپ، ئۆز ئىرادىسىنىڭ ئىجراچىلىرى قىلغاي! ئەبەدىلئەبەد شان-شەرەپكە لايىق بولغان ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق سىلەرنى ئۆزىنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا يېتەكلىگەي، ئامىن! قېرىنداشلىرىم، سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، بۇ قىسقىغىنا خەتتىكى نەسىھەتلىرىمنى رازىمەنلىك بىلەن قوبۇل قىلغايسىلەر. قېرىندىشىمىز تىموتىينىڭ زىنداندىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىدىن خەۋەردار بولغايسىلەر. يېقىندا يېنىمغا كېلىپ قالسا، ئۇنىڭ بىلەن بىللە سىلەرنى يوقلاپ بارىمەن. بارلىق يېتەكچىلىرىڭلار ۋە باشقا ئېتىقادچىلارغا سالام ئېيتقايسىلەر. ئىتالىيىدىن كەلگەن قېرىنداشلار سىلەرگە سالام يوللىدى. خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ھەممىڭلارغا يار بولغاي! خۇدانىڭ ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى بولغان مەنكى ياقۇپتىن دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا تارقالغان، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىدىغان يەھۇدىيلارغا سالام. قېرىنداشلار، ھەر خىل سىناقلارغا دۇچ كەلگەندە، ئۇنى زور خۇشاللىق، دەپ بىلىڭلار. چۈنكى سىلەرگە مەلۇمكى، بۇنداق سىناقلار ئارقىلىق ئېتىقادىڭلار سىنىلىپ، چىداملىق بولىسىلەر. شۇڭا، ھەرقانداق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، چىداملىقىڭلارنى يېتىلدۈرۈڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، خۇدانىڭ كۈتكىنىدەك ئېتىقادتا پىشقان، كەم-كۈتىسىز ئادەملەردىن بولىسىلەر. ئەگەر ئاراڭلاردىكى بىرى ئەقىل-پاراسەتكە موھتاج بولسا، ھەممىگە سېخىيلىق بىلەن بېرىدىغان ۋە مالال كۆرمەيدىغان خۇدادىن تىلىسۇن. شۇندىلا، ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ. بىراق، ئۇ ئەقىل-پاراسەت تىلىگەندە، خۇدادىن قىلچىمۇ گۇمانلانماي، تولۇق ئىشەنچ بىلەن تىلىشى كېرەك. چۈنكى، گۇمانلانغان كىشى خۇددى دېڭىز دولقۇنىغا ئوخشاش، شامال چىقسىلا تەۋرىنىپ كېتىدۇ. كۈن قىزىغاندا بۇ ئوت-چۆپلەر قۇرۇپ، ئۇنىڭ چېچەكلىرى توزۇپ كېتىدۇ-دە، گۈزەللىكى يوقىلىدۇ. باي ئادەملەر خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، ئۆز ھەلەكچىلىكىدە يوقىلىدۇ. سىناقلارغا سەۋرچانلىق بىلەن بەرداشلىق بەرگەن كىشى نەقەدەر بەختلىك-ھە! چۈنكى، ئۇ سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، خۇدا ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە ۋەدە قىلغان مەڭگۈلۈك ھايات تاجىغا مۇيەسسەر بولىدۇ. ئازدۇرۇلۇشقا دۇچ كەلگەن ئادەم «خۇدا مېنى ئازدۇرۇۋاتىدۇ» دەپ ئويلىمىسۇن. چۈنكى، خۇدا ئازدۇرۇلمايدۇ ھەم باشقىلارنى ئازدۇرمايدۇ. كىمدەكىم ئۆز ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرسە، ئۇ ئازىدۇ. بۇنداق ئادەمنىڭ ھەۋەسلىرى ئۇنى گۇناھقا باشلايدۇ. گۇناھ ئۇنىڭدا ئۆسۈپ يېتىلسە، ئۇنى مەڭگۈلۈك ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، ئالدىنىپ قالماڭلار! ھەرقانداق ئېسىل ۋە كەم-كۈتىسىز ئىلتىپات خۇدادىن كېلىدۇ. ئاسماندىكى پۈتكۈل يورۇقلۇقلارنى ياراتقان خۇدا يورۇقلۇقتىن پەيدا بولغان كۆلەڭگىلەردەك ئۆزگىرىشچان ئەمەس. خۇدا ئۆز ئىرادىسى بويىچە بىزنى ھەقىقەتتىن ئىبارەت بولغان سۆزى ئارقىلىق يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈردى. بۇنىڭ بىلەن، خۇددى دەسلەپكى ھوسۇلنىڭ مېۋىسى خۇداغا ئاتالغىنىدەك، بىز ئېتىقادچىلار پۈتكۈل ئىنسانلار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ خۇداغا ئاتالدۇق. قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، شۇنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، ھەركىم ئاڭلاشتا زېرەك بولسۇن، سۆزلەشكە ئالدىرىمىسۇن، ئاسان غەزەپلەنمىسۇن. چۈنكى، غەزەپلەنسەڭلار، خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ھەققانىي ئىشلارنى قىلالمايسىلەر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەر خىل ئىپلاسلىقلارنى ۋە بارلىق يامان قىلمىشلارنى تاشلاڭلار. قەلبىڭلارغا سېلىنغان، سىلەرنى قۇتقۇزالايدىغان سۆزنى كەمتەرلىك بىلەن ئۆزلەشتۈرۈڭلار. خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قويساملا بولىدۇ دەپ، ئۆزۈڭلارنى ئالدىماڭلار. ئەكسىچە، ئۇنى ئىجرا قىلغۇچىلاردىن بولۇڭلار. خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قويۇپلا، ئۇنى ئىجرا قىلمىغان كىشى خۇددى ئەينەككە قاراپ، يۈزىگە قارا سۈرتۈلگەنلىكىنى كۆرسىمۇ، ئۇنى سۈرتۈۋەتمىگەن كىشىگە ئوخشايدۇ. بۇنداق كىشى ئەينەكتىن يىراقلاشسىلا، ئۆز ئەپتىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. گۇناھ قىلىشتىن ئەركىن قىلىدىغان مۇكەممەل قانۇننى داۋاملىق ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆگەنگۈچى ئاڭلىغىنىنى ئۇنتۇپ قالماي، بەلكى ئۇنى ئىجرا قىلسا، ئۇ ھەممە ئىشلىرىدا بەختلىك قىلىنىدۇ. ئۆزىنى خۇداغا ئىخلاسمەن ئادەم دەپ قارىغان، لېكىن تىلىنى تىزگىنلىمىگەن كىشى ئۆزىنى ئۆزى ئالدايدۇ. بۇنداق ئىخلاسمەنلىكنىڭ قىلچە قىممىتى يوقتۇر. خۇدائاتىمىزنىڭ نەزىرىدىكى پاك ۋە ئەيىبسىز ئىخلاسمەنلىك بولسا قىيىنچىلىقتا قالغان يېتىم-يېسىر، ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن تۇل خوتۇنلارغا غەمخورلۇق قىلىش ۋە ئۆزىمىزنى دۇنيانىڭ بۇلغىشىدىن ساقلاشتۇر. قېرىنداشلىرىم، سىلەر ئۇلۇغ رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانىكەنسىلەر، باشقىلارغا ئىككى خىل كۆز بىلەن قارىماڭلار. سىلەرنىڭ خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغان يىغىلىشىڭلارغا پۇزۇر كىيىنىۋالغان بىر باي ۋە جۇل-جۇل كىيىنىۋالغان بىر كەمبەغەل كەلسە، سىلەر باي كىشىگە «تۆرگە چىقسىلا!»، كەمبەغەلگە، «ئۇ يەردە تۇر!» ياكى «تۆۋەندە ئولتۇر!» دېسەڭلار، سىلەرنىڭ بۇنداق ئوخشىمايدىغان مۇئامىلەڭلار نىيىتىڭلارنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرمەمدۇ؟ قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، قۇلاق سېلىڭلار! خۇدا بۇ دۇنيادىكى كەمبەغەللەرنى ئېتىقاد جەھەتتە باي قىلىش ھەمدە ئۇلارنى ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە بېرىشكە ۋەدە قىلغان پادىشاھلىقىغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، تاللىدى. بىراق، سىلەر كەمبەغەللەرنى خارلىدىڭلار! سىلەرنى ئەزگەن ۋە سوتقا سۆرىگەنلەر ئەمەلىيەتتە بايلار ئەمەسمۇ؟ سىلەر مەنسۇپ بولغان ئەيسا مەسىھنىڭ ئالىيجاناب نامىغا كۇپۇرلۇق قىلىۋاتقانلار يەنە شۇ بايلار ئەمەسمۇ؟ مۇقەددەس يازمىلاردىكى «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» دېگەن ئەمرگە، يەنى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ بۇ قانۇنىغا ھەقىقىي ئەمەل قىلساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر. لېكىن، باشقىلارغا ئىككى خىل كۆز بىلەن قارىساڭلار، گۇناھ قىلغان بولىسىلەر. چۈنكى، سىلەر خۇدانىڭ ئاشۇ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلدىڭلار. ئەگەر بىر كىشى خۇدانىڭ پۈتۈن قانۇنىغا ئەمەل قىلدىم دەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىكى بىرەر پەرمانغا خىلاپلىق قىلىپ قالسا، ئۇ خۇدانىڭ نەزىرىدە پۈتۈن قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ئادەمگە ئوخشاش گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ. خۇدا: «زىنا قىلما» دېگەن ھەم «قاتىللىق قىلما»~مۇ دېگەن. شۇڭا، ئەگەر سىلەر زىنا قىلمىساڭلارمۇ، لېكىن قاتىللىق قىلغان بولساڭلار، يەنىلا پۈتۈن تەۋرات قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان بىلەن تەڭ بولىسىلەر. سىلەر سىلەرنى گۇناھ قىلىشتىن ئەركىن قىلىدىغان قانۇن بويىچە سوراق قىلىنىسىلەر. شۇڭا، سۆز-ھەرىكىتىڭلار بۇ قانۇنغا ئۇيغۇن بولسۇن. چۈنكى، سىلەر باشقىلارغا رەھىم قىلمىساڭلار، سوراق قىلىنغاندا خۇدا سىلەرگىمۇ رەھىم قىلمايدۇ. باشقىلارغا رەھىم قىلغان بولساڭلار، خۇدانىڭ جازاسىغا ئەمەس، رەھىم قىلىشىغا ئېرىشەلەيسىلەر. قېرىنداشلىرىم! ئەگەر بىر كىشى ئاغزىدا، «مەن ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىمەن» دەپ تۇرۇپ، ئۇنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتمىسە، ئۇنىڭ نېمە پايدىسى؟ ئۇ بۇنداق ئېتىقاد بىلەن قۇتقۇزۇلۇشقا ئېرىشەلەمدۇ؟ شۇڭا، پەقەت ئېتىقادلا بولۇپ، ئۆز ئېتىقادىغا ماس كېلىدىغان ئەمەلىيىتى بولمىسا، بۇنداق ئېتىقادنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقتۇر. لېكىن، بەزىلەر: «مەندە ئېتىقاد بولسىلا بولدى» دېسە، بەزىلەر: «ئېتىقاد بىلەن ئەمەلىيەت بىرگە بولۇشى كېرەك» دەپ ئۆزئارا تالىشىشى مۇمكىن. مەن ئاشۇ «مەندە ئېتىقاد بولسىلا بولدى» دېگۈچىلەرگە: «ئەگەر سېنىڭ ئەمەلىيىتىڭ بولمىسا، ئۆز ئېتىقادىڭنى نامايان قىلالمايسەن. بىراق، مەن ئەمەلىيىتىم ئارقىلىق ئۆز ئېتىقادىمنى نامايان قىلالايمەن» دەپ جاۋاب بېرىمەن. سەن خۇدانىڭ بىر ئىكەنلىكىگە ئىشەنسەڭلا كۇپايە قىلامدۇ؟ خۇدانىڭ بىر ئىكەنلىكىگە ھەتتا جىنلارمۇ ئىشىنىدۇ ھەم ئۇنىڭدىن قورقۇپ دىر-دىر تىترەيدۇ. ئەي نادان! ئەمەلىيىتى يوق ئېتىقادنىڭ ئەھمىيەتسىز ئىكەنلىكىنى قاچانمۇ بىلەرسەن؟ خۇدانىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىش ئۈچۈن ئەجدادىمىز ئىبراھىم ئۆز ئوغلى ئىسھاقنى قۇربانلىق قىلماقچى بولغان ۋە بۇ ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئۇ خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان ئەمەسمۇ؟ دېمەك، ئۇنىڭ ئەمەلىيىتى ئۇنىڭ ئېتىقادىغا ماس كەلگەن. شۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭ ئېتىقادى ئەمەلىيىتى ئارقىلىق تولۇقلاندى. بۇنىڭ بىلەن، تەۋراتتا ئېيتىلغان: «ئىبراھىم خۇدانىڭ سۆزلىرىگە ئىشەندى. خۇدا ئۇنىڭ ئېتىقادىنى كۆرۈپ، ئۇنى ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىدى» دېگەن سۆز ئىسپاتلاندى ۋە ئىبراھىم خۇدانىڭ دوستى، دەپ ئاتالدى. بىز بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، خۇدا ئېتىقادىلا بولۇپ ئەمەلىيىتى بولمىغان ئادەمنى ئەمەس، بەلكى ئېتىقادى بىلەن ئەمەلىي ھەرىكىتى بىردەك بولغان ئادەمنى ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلايدۇ. بۇ توغرۇلۇق يەنە بىر مىسال بار. پاھىشە ئايال راھاب ئىسرائىل چارلىغۇچىلىرىنى ئۆز ئۆيىدە يوشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ باشقا يول بىلەن قېچىپ كېتىشىگە ياردەم بەرگەن ئەمەلىي ھەرىكىتى ئۈچۈن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان ئەمەسمۇ؟ روھى يوق تەن ئۆلۈك بولغىنىدەك، ئەمەلىيىتى يوق ئېتىقادمۇ ئۆلۈكتۇر. قېرىنداشلىرىم، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدە ھەممىڭلارلا تەلىم بەرگۈچى بولۇۋالماڭلار! سىلەرگە مەلۇمكى، خۇدا بىز تەلىم بەرگۈچىلەرنى باشقىلاردىن تېخىمۇ ئېغىر سوراققا تارتىدۇ. ھەممىمىز كۆپ خاتالىشىمىز. ھالبۇكى، تىلدا خاتالاشمىغان كىشى ئۆزىنى ھەر جەھەتتىن تىزگىنلەپ، پىشىپ يېتىلگەن كىشى بولىدۇ بىز ئاتلارنى تىزگىنلەش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئاغزىغا يۈگەن سالىمىز؛ بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى خالىغان يېرىمىزگە ماڭدۇرالايمىز. يەنە مەسىلەن، كېمە شۇنچىلىك چوڭ بولسىمۇ، يەنە كېلىپ كۈچلۈك بوران ئۇنىڭغا شۇنچە قاتتىق ئۇرۇلسىمۇ، لېكىن رولچى كىچىككىنە رول ئارقىلىق ئۇنى خالىغان يېرىگە ھەيدىيەلەيدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، گەرچە تىل تېنىمىزنىڭ كىچىك بىر ئەزاسى بولسىمۇ، لېكىن چوڭ ئىشلارغا سەۋەب بولالايدۇ. كىچىككىنە بىر ئوت ئۇچقۇنىنىڭ چوڭ ئورمانغا ئوت قويۇۋېتەلەيدىغانلىقىنى ئويلاپ بېقىڭلار. تىل دەل شۇ ئوت ئۇچقۇنىغا ئوخشايدۇ. ئۇ ھەر خىل قىلمىشنىڭ مەنبەسى ۋە ئەزالىرىمىز ئىچىدىكى بۇزغۇنچى بولۇپ، پۈتۈن بەدىنىمىزنى بۇلغىيالايدۇ. بۇ ئوت دوزاخ ئوتىدىن يېقىلسا، ھاياتىمىزنى ۋەيران قىلىۋېتەلەيدۇ. ئىنسانلار ياۋايى ھايۋاناتلار، ئۇچارقاناتلار، يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلار ۋە سۇ مەخلۇقاتلىرىنى تىزگىنلىيەلەيدۇ ھەمدە ئۇلارنى ئاللىبۇرۇن تىزگىنلىدى. ئەمما تىلنى ھېچكىم تىزگىنلىيەلمەيدۇ. تىل تىزگىنلىگىلى بولمايدىغان بىر ئوسال نەرسە بولۇپ، ئۇ خۇددى جانغا زامىن بولىدىغان زەھەرگە ئوخشايدۇ. بىز تىلىمىز بىلەن خۇدائاتىمىزنى مەدھىيىلەيمىز، يەنە شۇ تىلىمىز بىلەن خۇدا ئۆز ئوبرازىغا ئوخشاش قىلىپ ياراتقان ئىنسانلارنى قارغايمىز. دېمەك، بىر ئېغىزدىن ھەم مەدھىيە، ھەم لەنەت چىقىدۇ. قېرىنداشلىرىم، بۇنداق بولماسلىقى كېرەك! بىر بۇلاقتىن شەربەتمۇ، زەرداپمۇ چىقامدۇ؟ قېرىنداشلىرىم، ئەنجۈر دەرىخى زەيتۇننىڭ مېۋىسىنى بەرمەيدۇ، ئۈزۈم تېلى ئەنجۈرنىڭ مېۋىسىنى بەرمەيدۇ. شەربەت بۇلىقىدىن زەرداپمۇ چىقمايدۇ. ئاراڭلاردا كىم ئەقىل-پاراسەتلىك بولسا، ئۇ ئۆز ھاياتىدا كەمتەرلىك بىلەن قىلغان ياخشى ئىشلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى كۆرسەتسۇن. لېكىن، قەلبىڭلاردا ھەسەتخورلۇق ۋە شەخسىيەتچىلىك بولسا، ئەقىل-پاراسەتلىكمەن، دەپ ئۆزۈڭلاردىن ماختانماڭلار. ئەگەر ماختانساڭلار، يالغان سۆزلەپ، ھەقىقەتنى يوققا چىقارغان بولىسىلەر. بۇ دۇنياغا ۋە ئىنسان تەپەككۈرىگە خاس بولغان بۇنداق «ئەقىل-پاراسەت» خۇدادىن كەلگەن ئەمەس، بەلكى شەيتاندىن كەلگەن. ھەسەتخورلۇق ۋە شەخسىيەتچىلىك بولغانلا يەردە قالايمىقانچىلىق ۋە ھەر خىل رەزىللىكلەر بولىدۇ. لېكىن، بىر ئادەمدە خۇدادىن كەلگەن ئەقىل-پاراسەت بولسا، ئۇ ئالدى بىلەن پاك، ئاندىن تىنچلىقپەرۋەر، خۇش پېئىل، كەمتەر ۋە رەھىمدىل بولۇپ، ئۇنىڭ ھاياتى ياخشى مېۋىلەر بىلەن تولغان بولىدۇ. ئۇ يەنە ئايرىمىچىلىق ۋە ساختىپەزلىك قىلمايدۇ. تىنچلىق ئىزدىگۈچىلەر تىنچلىق ئۇرۇقىنى چاچىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئادالەت مېۋىسىنى ئالىدۇ. ئاراڭلاردىكى توقۇنۇش ۋە ماجىرالارنىڭ مەنبەسى نېمە؟ بۇ دەل قەلبىڭلارنى چىرمىۋالغان ئارزۇ-ھەۋەسلىرىڭلار ئەمەسمۇ؟ سىلەر ئۆزۈڭلار ئارزۇ قىلغان نەرسىلەرگە ئېرىشەلمىگەندە، ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن يانمايسىلەر. ۋەھالەنكى، ئارزۇ قىلغان نەرسىلىرىڭلارغا ئېرىشەلمەي، جېدەل-ماجىرا چىقىرىسىلەر. سىلەر خۇدادىن تىلىمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ئېرىشەلمەيسىلەر. تىلىسەڭلارمۇ ئېرىشەلمەيسىلەر، چۈنكى نىيىتىڭلار يامان بولۇپ، ئۆز ئارزۇ-ھەۋەسلىرىڭلارنى قاندۇرۇش ئۈچۈنلا تىلەيسىلەر. ئەي خۇداغا ۋاپاسىزلار! بۇ دۇنيا بىلەن دوستلىشىشنىڭ ئەمەلىيەتتە خۇدا بىلەن دۈشمەنلىشىش ئىكەنلىكىنى بىلمەمتىڭلار؟ ئەگەر سىلەر بۇ دۇنيانى دوست تۇتماقچى بولساڭلار، خۇدانىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىسىلەر. مۇقەددەس يازمىلاردا: «خۇدا قەلبىمىزگە سالغان مۇقەددەس روھ بىزنىڭ خۇداغا ساداقەتمەن بولۇشىمىزنى ناھايىتى ئارزۇ قىلىدۇ» دېيىلگەن. سىلەرچە، بۇ قۇرۇق سۆزمۇ؟ يامان ئارزۇ-ھەۋەسلىرىمىز ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىمىز ئۈچۈن، خۇدا بىزگە كۆپ كۈچ-قۇدرەت بېرىدۇ. بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا: «خۇدا قارشىدۇر تەكەببۇرلارغا، مېھىر-شەپقەت قىلار كەمتەرلەرگە» دەپ يېزىلغىنىدەكتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇداغا ئىتائەتمەن بولۇڭلار. شەيتانغا قارشى تۇرۇڭلار. شۇ چاغدىلا، شەيتان سىلەردىن قاچىدۇ. خۇداغا يېقىنلىشىڭلار، خۇدامۇ سىلەرگە يېقىنلىشىدۇ. ئەي گۇناھكارلار، گۇناھتىن قول ئۈزۈڭلار. ئەي ھەم خۇدانى، ھەم دۇنيانى دوست تۇتىمىز دېگۈچىلەر، قەلبىڭلارنى پاك قىلىڭلار. قىلغان گۇناھلىرىڭلار ئۈچۈن قايغۇ-ھەسرەت چېكىڭلار، ھازا تۇتۇپ يىغلاڭلار، كۈلكەڭلارنى ماتەمگە، خۇشاللىقىڭلارنى قايغۇغا ئايلاندۇرۇڭلار. خۇدانىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇڭلار. شۇ چاغدا، خۇدا سىلەرنى ئۈستۈن قىلىدۇ. قېرىنداشلار، بىر-بىرىڭلارنى سۆكمەڭلار. قېرىندىشىڭلارنى سۆكسەڭلار ياكى ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلساڭلار، خۇدانىڭ «بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار» دېگەن قانۇنىنىمۇ سۆككەن ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغان بولىسىلەر. چۈنكى، سىلەر خۇدانىڭ قانۇنىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى قارار قىلىدىغان سوتچى ئەمەسسىلەر. سىلەرنىڭ ۋەزىپەڭلار خۇدانىڭ قانۇنىغا بويسۇنۇشتىن ئىبارەت. پەقەت خۇدالا قانۇن تۈزگۈچى ۋە ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر، قۇتقۇزۇش ۋە ھالاك قىلىش پەقەت خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىدىن كېلىدۇ. شۇنداق ئىكەن، باشقىلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىشقا سىلەرنىڭ نېمە ھوقۇقۇڭلار بار؟! بەزىلەر: «بۈگۈن ياكى ئەتە پالان شەھەرگە بارىمىز. ئۇ يەردە بىر يىل تۇرىمىز، تىجارەت قىلىپ، كۆپ پۇل تاپىمىز» دەيدۇ. بۇنداق دەيدىغانلار ماڭا قۇلاق سېلىڭلار، ئەتە نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ سىلەرنىڭ ھاياتىڭلار خۇددى بىر دەمدىلا پەيدا بولۇپ يوقاپ كېتىدىغان تۇمانغا ئوخشايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، «خۇدا بۇيرۇسا، ئۆلمىسەكلا، ئۇنى قىلىمىز، بۇنى قىلىمىز» دەڭلار. بىراق، ھازىر سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ پىلانىڭلاردىن مەغرۇرلۇق بىلەن ماختىنىسىلەر. بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس. ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، قىلىشقا تېگىشلىك ياخشى ئىشنى بىلىپ تۇرۇپ قىلمىغانلار گۇناھ قىلغان بولىدۇ. ئەي بايلار، قۇلاق سېلىڭلار! بېشىڭلارغا كېلىدىغان پالاكەتلەر ئۈچۈن داد-پەرياد قىلىپ يىغلاڭلار. بايلىقىڭلار چىرىپ كېتىدۇ، كىيىم-كېچىكىڭلارنى كۈيە يەپ كېتىدۇ، ئالتۇن-كۈمۈشلىرىڭلارنى بولسا ھامان دات باسىدۇ. بۇ دات قىيامەت كۈنىدە شەخسىيەتچىلىكىڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىپ، دوزاختا كۆيۈشۈڭلارغا سەۋەب بولىدۇ. چۈنكى، سىلەر بۇ ئاخىر زاماندا بايلىق توپلاش بىلەنلا بولۇپ كېتىۋاتىسىلەر. سىلەر ئېتىزلىقىڭلاردا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ئىش-ھەقلىرىگە ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ كەلدىڭلار. ئۇلار ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلىۋاتىدۇ. سىلەرگە ھوسۇل يىغىپ بېرىۋاتقان بۇ كىشىلەرنىڭ ئاھ-زارى ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ قۇلىقىغا يەتتى. سىلەر بۇ دۇنيادا باياشات ۋە ئەيش-ئىشرەت ئىچىدە ياشاۋاتىسىلەر. قويلار بوغۇزلىنىدىغان كۈنگە قەدەر بوردالغانغا ئوخشاش، سىلەرمۇ قىيامەت كۈنىگە قەدەر ئۆزۈڭلارنى بورداۋاتىسىلەر. سىلەرگە قارشى چىققۇدەك كۈچىمۇ بولمىغان گۇناھسىز كىشىلەرنى گۇناھقا مەھكۇم قىلىپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ كەلدىڭلار. قېرىنداشلار، خۇدانىڭ جازاسىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بىر-بىرىڭلاردىن ئاغرىنماڭلار؛ سوراق قىلغۇچى كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. خۇدا ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە قانداق سەۋر-تاقەت قىلغانلىقىدىن ئۈلگە ئېلىڭلار. بىز مانا مۇشۇنداق سەۋر-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بەرگەنلەرنى بەختلىك ھېسابلايمىز. ئايۇپنىڭ ئۆز بېشىغا كەلگەن ھەر خىل ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەتكە قانداق سەۋر-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بەرگەنلىكىنى، شۇنداقلا ئاخىردا خۇدانىڭ ئۇنىڭ ھاياتىنى قانداق ياخشى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بىلىسىلەر. خۇدا ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىلدۇر. قېرىنداشلىرىم، ئەڭ مۇھىمى، قەسەم قىلماڭلار! ئاسمان، زېمىن ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغۇچى بولماڭلار. جاۋابىڭلار تۈزلا «ھەئە» ياكى «ياق» بولسۇن. شۇنداق قىلغاندا، خۇدانىڭ جازاسىغا تارتىلمايسىلەر. ئاراڭلاردا جاپا تارتىۋاتقان كىشى بار بولسا، ئۇ خۇداغا دۇئا قىلسۇن. خۇشال بولۇۋاتقان كىشى بار بولسا، ئۇ خۇداغا مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتسۇن. ئاغرىق-سىلاقلار بار بولسا، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىلىرىنى چاقىرتىپ كەلسۇن. ئۇلار رەببىمىزنىڭ نامى بىلەن بۇ ئاغرىقلارنىڭ بېشىغا ياغ سۈركەپ دۇئا قىلسۇن. رەببىمىز تولۇق ئىشەنچ بىلەن قىلىنغان دۇئا ئارقىلىق ئاغرىقنى ساقايتىدۇ ۋە ئۇنى ئورنىدىن تۇرغۇزىدۇ. ئەگەر بىمار گۇناھ قىلغان بولسا، كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. شۇڭا، شىپالىق تېپىش ئۈچۈن، ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىڭلارنى ئۆزئارا ئىقرار قىلىڭلار ۋە بىر-بىرىڭلار ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار. ھەققانىي ئادەمنىڭ دۇئاسى زور كۈچ ۋە ئۈنۈمگە ئىگىدۇر. ئىلياس پەيغەمبەرمۇ بىزگە ئوخشاش ئادەم ئىدى. ئۇ ئىسرائىلىيىدە يامغۇر ياغماسلىق ئۈچۈن ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلغانىدى. نەتىجىدە، ئۈچ يېرىم يىل يامغۇر ياغمىدى. كېيىن، قايتا يامغۇر يېغىش ئۈچۈن دۇئا قىلغانىدى، يامغۇر يېغىپ، يەرمۇ ھوسۇل بەردى. قېرىنداشلىرىم، ئاراڭلاردا ھەقىقەتتىن چەتنىگەن كىشى بولسا، ئۇنى ھەقىقەتكە قايتۇرۇپ ئەكېلىشكە تىرىشىڭلار. شۇنى بىلىڭلاركى، گۇناھكار كىشىنى ھەقىقەتكە قايتۇرۇپ ئەكەلگەن ئادەم شۇ كىشىنىڭ مەڭگۈلۈك ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇشىغا ۋە نۇرغۇن گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىسى بولغان مەنكى پېترۇستىن پونتۇس، گالاتىيا، كاپادوكىيا، ئاسىيا ۋە بىتىنىيە ئۆلكىلىرىدە ياشاۋاتقان ھەمدە بۇ دۇنياغا مۇساپىر بولغان، خۇدانىڭ تاللىغان بەندىلىرىگە سالام. خۇدائاتىمىز ئۆزىنىڭ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە سىلەرنى تاللىدى، مۇقەددەس روھ سىلەرنى پاك قىلدى. بۇنىڭدىن مەقسەت، سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭ قۇربانلىق قېنى بىلەن گۇناھلىرىڭلاردىن يۇيۇلۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر. خۇدا سىلەرگە ھەسسىلەپ مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي! رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسى بولغان خۇداغا مەدھىيىلەر ئوقۇلغاي! ئۇ بىزگە چەكسىز رەھىمدىللىك كۆرسىتىپ، ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلىشى ئارقىلىق بىزنى يېڭىدىن تۇغۇلدۇرۇپ، ئۆچمەس بىر ئۈمىدكە ئىگە قىلدى. ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى بولغان بىزلەر ئۈچۈن ئەرشتە تۈگىمەس، چىرىمەس، سولماس مىراس ساقلانماقتا. خۇدا ئالدىن تەييارلاپ قويغان بۇ ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇشنى ئاخىر زاماندا ئاشكارا قىلغۇچە، ئۆزىنىڭ قۇدرىتى بىلەن سىلەرنى ئېتىقادىڭلار ئارقىلىق قوغدايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھازىر سىلەرنىڭ ھەر خىل سىناقلار تۈپەيلىدىن ۋاقىتلىق ئازاب-ئوقۇبەت تارتىپ، ھەسرەت چېكىشىڭلارغا توغرا كەلسىمۇ، شاد-خۇراملىققا چۆمۈڭلار. بۇنداق ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىڭلارنىڭ سەۋەبى ئېتىقادىڭلارنىڭ ساپلىقىنى ئىسپاتلاشتۇر. ھەقىقىي ساپ ئېتىقاد بولسا ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىكتۇر. گەرچە ئالتۇننىڭ ساپلىقىنى ئوتتا تاۋلاش ئارقىلىق ئىسپاتلىغىلى بولسىمۇ، ئۇ بىز ئۈچۈن بەرىبىر مەڭگۈلۈك بولالمايدۇ. ئېتىقادىڭلار ساپ بولسا، ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەن چاغدا بۇ ئېتىقاد سىلەرگە مەدھىيە، شان-شەرەپ ۋە ھۆرمەت ئېلىپ كېلىدۇ. سىلەر بۇرۇن ئەيسا مەسىھنى كۆرۈپ باقمىغان بولساڭلارمۇ، ئۇنى سۆيۈپ كەلدىڭلار. ھازىر ئۇنى كۆرمىگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا يەنىلا ئىشىنىسىلەر. شۇڭا، قەلبىڭلار تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان چەكسىز شاد-خۇراملىققا چۆمدى. چۈنكى، سىلەر ھازىر ئېتىقادىڭلارنىڭ نىشانى بولغان قۇتقۇزۇلۇشتىن بەھرىمەن بولۇۋاتىسىلەر. بۇ قۇتقۇزۇلۇش توغرىسىدا ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر تەپسىلىي ئىزدەنگەن، ئۇنى چۈشىنىشكە تىرىشقان ھەمدە سىلەرگە ئاتا قىلىنغان بۇ مېھىر-شەپقەت توغرىسىدا ئالدىن ئېيتقانىدى. ئەيسا مەسىھنىڭ روھى ئۇلارنىڭ قەلبىدە بولۇپ، بۇ روھ ئۇلارغا خۇدا ئەۋەتمەكچى بولغان قۇتقۇزغۇچى چېكىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەر ۋە ئۇنىڭ بۇ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى چەككەندىن كېيىن ئېرىشىدىغان شان-شەرىپى توغرىسىدا ئالدىنئالا مەلۇمات بەرگەن. ئۇلار بۇ ئىشلارنىڭ قاچان ۋە قانداق يۈز بېرىدىغانلىقى ئۈستىدە ئىزدەنگەن. خۇدا بۇ پەيغەمبەرلەرگە ئۇلارنىڭ بۇ ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىشىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سىلەر ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۈگۈنكى كۈندە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگۈچىلەر ئەرشتىن ئەۋەتىلگەن مۇقەددەس روھنىڭ كۈچى بىلەن بۇ ئىشلارنى سىلەرگە يەتكۈزدى. ھەتتا پەرىشتىلەرمۇ بۇ ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى كۆرۈشكە تەلپۈنىدۇ. شۇڭا، ئەقىل-ھوشۇڭلارنى يىغىپ، ئۆزۈڭلارنى سەگەك تۇتۇڭلار، ئۈمىدىڭلارنى ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەن كۈنىدە سىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان بەخت-سائادەتكە پۈتۈنلەي باغلاڭلار. خۇدانىڭ ئىتائەتمەن پەرزەنتلىرىدىن بولۇڭلار. ئەيسا مەسىھنى تونۇمىغان چاغلىرىڭلاردىكىدەك بولمىغۇر ھەۋەسلەرگە بېرىلمەڭلار. ئەكسىچە، ھەممە ئىشلىرىڭلاردا پاك بولۇڭلار، چۈنكى سىلەرنى چاقىرغان خۇدا پاكتۇر. خۇدا مۇقەددەس يازمىلاردا: «پاك بولۇڭلار، چۈنكى مەن پاكتۇرمەن» دېگەن. سىلەر كىشىلەرنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە قاراپ ئادىللىق بىلەن سوراق قىلىدىغان خۇدانى «ئاتا» دېگەنىكەنسىلەر، ئۇنداقتا بۇ دۇنيادا مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان ۋاقتىڭلارنى خۇدانى چوڭقۇر ھۆرمەتلەش بىلەن ئۆتكۈزۈڭلار. چۈنكى سىلەرگە مەلۇمكى، سىلەر ئەجدادلىرىڭلاردىن قالغان ئەھمىيەتسىز تۇرمۇش يولىنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد بولدۇڭلار. بۇ، قىممىتىنى ھامان يوقىتىدىغان ئالتۇن ياكى كۈمۈشتەك نەرسىلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدا ئەۋەتكەن كەم-كۈتىسىز قوزىنىڭ، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ قىممەتلىك قېنىنىڭ بەدىلىگە كەلدى. ئەيسا مەسىھ دۇنيا يارىتىلىشتىن ئىلگىرىلا خۇدا تەرىپىدىن ئىنسانلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولۇش ئۈچۈن تاللانغان. ئۇ مۇشۇ ئاخىرقى ۋاقىتلاردا سىلەر ئۈچۈن بۇ دۇنياغا ئەۋەتىلىپ، ئاشكارا قىلىندى. سىلەر ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا ئېتىقاد قىلىۋاتىسىلەر. خۇدا ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ بەردى. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار ۋە ئۈمىدىڭلار خۇداغا باغلانغان. سىلەر ھەقىقەتكە ئىتائەت قىلغانلىقىڭلاردىن قەلبىڭلار پاك قىلىنىپ، ئېتىقادچىلارنى سۆيىدىغان سەمىمىي مېھىر-مۇھەببەتكە ئىگە بولدۇڭلار. شۇڭا، بىر-بىرىڭلارنى چىن قەلبىڭلاردىن قىزغىن سۆيۈڭلار. چۈنكى، سىلەر يېڭىۋاشتىن تۇغۇلدۇڭلار. بۇ يېڭى ھايات ھامان ئۆلۈپ كېتىدىغان ئىنسانلار ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ سۆزى، يەنى خۇدانىڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە ۋە مەڭگۈ مەۋجۇت سۆزى ئارقىلىق بولدى. خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «پۈتكۈل ئىنسان گۈل-گىياھقا ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ شان-شەرىپى غازاڭ بولىدىغان چېچەككە ئوخشايدۇ. گىياھلار قۇرۇپ، گۈللەر سولىشىپ ئۆلىدۇ، بىراق، رەببىمىزنىڭ سۆزى مەڭگۈ مەۋجۇت بولىدۇ!» بىز سىلەرگە يەتكۈزگەن خۇش خەۋەر دەل رەببىمىزنىڭ سۆزىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، بارلىق يامانلىق، ھىيلىگەرلىك، ساختىپەزلىك، ھەسەتخورلۇق ۋە تۆھمەتخورلۇقلارنى تاشلاڭلار. ئەيسا مەسىھ خۇدانىڭ سالماقچى بولغان ئىبادەتخانىسىنىڭ تىرىك ئۇل تېشىدۇر. كىشىلەر ئۇنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خۇدا ئۇنى تاللىدى ۋە قەدىرلىدى. شۇڭا، سىلەر ئەيسا مەسىھكە يېقىنلىشىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، سىلەرمۇ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ سېلىنىشىغا ئىشلىتىلىدىغان تىرىك تاشلاردىن بولىسىلەر. سىلەر خۇداغا ئاتالغان روھانىيلار بولۇپ، ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا خىزمەت قىلىش ۋە مەدھىيە ئوقۇش قاتارلىق خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىقلارنى بېرەلەيسىلەر. مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دېيىلگەن: «قاراڭلار، تاللانغان بىر قىممەتلىك ئۇل تېشىنى سىئونغا قويدۇم. ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلار ھەرگىز نائۈمىدتە قالمايدۇ.» لېكىن، سىلەر بولساڭلار خۇدانىڭ تاللىغانلىرى، ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ روھانىيلىرى، خۇداغا ئاتالغان خەلق، شۇنداقلا خۇداغا مەنسۇپ بولغانلارسىلەر. سىلەرنى قاراڭغۇلۇقتىن ئۆزىنىڭ پارلاق يورۇقلۇقىغا چاقىرغان خۇدا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى باشقىلارغا يەتكۈزۈشۈڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى تاللىدى. بۇرۇن سىلەر خۇدانىڭ خەلقى ئەمەس ئىدىڭلار. لېكىن، ئەمدى خۇدانىڭ خەلقىسىلەر. بۇرۇن سىلەر خۇدانىڭ رەھىم-شەپقىتىگە ئېرىشمىگەنىدىڭلار، لېكىن ئەمدى ئېرىشتىڭلار. قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، سىلەر بۇ دۇنياغا پەقەت مۇساپىر ۋە مېھمانسىلەر. شۇڭا سىلەردىن ئۆتۈنۈپ سورايمەنكى، ئۆزۈڭلارنى سىلەر بىلەن قارشىلىشىدىغان يامان ھەۋەسلەردىن تۇتۇۋېلىڭلار. ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمايدىغانلار ئالدىدا ئېسىل پەزىلەت بىلەن ياشاڭلار. مۇشۇنداق قىلغاندا، گەرچە ئۇلار سىلەرنى يامان ئادەم دەپ تۆھمەت قىلسىمۇ، لېكىن سىلەرنىڭ ياخشى ئەمەلىيىتىڭلارنى كۆرۈپ، رەببىمىز ئەيسا قايتا كەلگەن كۈنى خۇدانى ئۇلۇغلايدۇ. خۇدانىڭ ئىرادىسى شۇكى، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلىدىغان نادان ئادەملەرنىڭ زۇۋانىنى ياخشى ئەمەلىيىتىڭلار ئارقىلىق تۇۋاقلاشتۇر. سىلەر ئەركىن ئادەم بولۇپ، ھېچكىم سىلەرنىڭ ئۇنداق ياكى بۇنداق قىلىش-قىلماسلىقىڭلارنى مەنئى قىلالمايدۇ. لېكىن، بۇ ئەركىنلىكنى يامان ئىشلارنى قىلىشنىڭ باھانىسى قىلىۋالماي، خۇدانىڭ سادىق خىزمەتكارلىرى بولۇپ ياشاڭلار، بارلىق ئىنسانلارنى ھۆرمەتلەڭلار، ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، خۇدادىن قورقۇڭلار، پادىشاھنى ھۆرمەتلەڭلار. ئەي قۇللار، خوجايىنلىرىڭلارنى ھۆرمەتلەپ، ئۇلارغا بويسۇنۇڭلار. سىلەر ياخشى ۋە خۇش پېئىل خوجايىنلارغىلا ئەمەس، بەلكى قاتتىق قول خوجايىنلارغىمۇ بويسۇنۇڭلار. ئەگەر ئاراڭلاردىن بىرى ناھەق ئازاب-ئوقۇبەت چەكسە ھەمدە بۇ ئازاب-ئوقۇبەتكە سەۋر-تاقەت قىلىش خۇدانىڭ ئىرادىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا سەۋر-تاقەت قىلسا، ئۇ خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ. ئەگەر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ، تېگىشلىك جازاغا تارتىلغاندا ئۇنىڭغا بەرداشلىق بەرسە، بۇنىڭ ماختىنىدىغان ھېچ يېرى يوق! لېكىن، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ ئازاب-ئوقۇبەت چەكسە ھەمدە ئۇنىڭغا بەرداشلىق بەرسە، ئۇ خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ. چۈنكى، سىلەر مانا شۇنداق ئازاب-ئوقۇبەتكە چاقىرىلدىڭلار. ئەيسا مەسىھمۇ سىلەر ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت چېكىپ، سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئىزىدىن ماڭسۇن دەپ، سىلەرگە ئۈلگە قالدۇردى. مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «ئۇ گۇناھ قىلمىغان، ئاغزىدىن بىرەر ئېغىزمۇ ھىيلە-مىكىرلىك سۆز چىقمىغان.» ئەيسا مەسىھ ھاقارەتكە ئۇچرىغاندا، تىل قايتۇرمايتتى. ئازاب-ئوقۇبەت چەككەندە، ھېچكىمگە تەھدىت سالمايتتى. ئەكسىچە، ئۆزىنى ئادىل ھۆكۈم قىلىدىغان خۇداغا تاپشۇراتتى. ئۇ بىزنىڭ گۇناھنىڭ ئىلكىدە ياشىماسلىقىمىز، بەلكى ھەققانىيلىق يولىدا مېڭىشىمىز ئۈچۈن، گۇناھلىرىمىزنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىپ كرېستكە مىخلىنىپ قۇربان بولدى. سىلەر ئۇنىڭ يارىلىرى بىلەن شىپا تاپتىڭلار. چۈنكى، بۇرۇن سىلەر يولدىن ئازغان قويلارغا ئوخشايتتىڭلار، لېكىن ھازىر ئۆزۈڭلارنى قوغدايدىغان قويچىنىڭ، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدىڭلار. گۈزەللىكىڭلار سىرتقى كۆرۈنۈشتىكى ئالاھىدە ياسىۋالغان چاچلىرىڭلار، تاقىغان ئالتۇن زىبۇزىننەتلىرىڭلار ۋە ئېسىل كىيىملىرىڭلاردىن ئىبارەت ئەمەس، بەلكى قەلبىڭلاردىكى ئۆچمەس گۈزەللىك، يەنى مۇلايىملىق ۋە تەمكىنلىكىڭلاردىن ئىبارەت بولسۇن چۈنكى، بۇنداق گۈزەللىك خۇدانىڭ ئالدىدا ئىنتايىن قىممەتلىكتۇر. بۇرۇنقى چاغلاردا، ئۈمىدىنى خۇداغا باغلىغان ئىخلاسمەن ئاياللار دەل مۇشۇنداق گۈزەللىك بىلەن ئۆزلىرىنى زىننەتلەپ، ئەرلىرىگە ئىتائەت قىلاتتى. مەسىلەن، سارە ئىبراھىمنى «خوجايىن» دەپ ئاتاپ، ئۇنىڭ سۆزلىرىگە بويسۇناتتى. سىلەر ھېچنېمىدىن قورقماي، توغرا ئىشلارنى قىلساڭلار، سىلەرمۇ سارەنىڭ پەرزەنتلىرى بولغان بولىسىلەر. ئەي ئەرلەر، شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ئاياللىرىڭلار بىلەن بولغان تۇرمۇشتا ئۇلارنىڭ سىلەردىن ئاجىز ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ، ئۇلارغا كۆيۈنۈڭلار ۋە ئۇلارنى ھۆرمەتلەڭلار. چۈنكى، ئۇلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش، خۇدا ئاتا قىلغان يېڭى ھاياتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولغۇچىلاردۇر. شۇنداق قىلساڭلار، دۇئالىرىڭلار توسالغۇغا ئۇچرىمايدۇ. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ھەممىڭلار بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇڭلار، بىر-بىرىڭلارغا ھېسداشلىق قىلىڭلار، بىر-بىرىڭلارنى قېرىنداشلارچە سۆيۈڭلار، مېھرىبان ۋە كەمتەر بولۇڭلار. يامانلىققا يامانلىق، ئاھانەتكە ئاھانەت بىلەن ئەمەس؛ ئەكسىچە، بەخت تىلەش بىلەن جاۋاب قايتۇرۇڭلار. چۈنكى، خۇدا سىلەرنى باشقىلارغا بەخت تىلەشكە چاقىردى. بۇنداق قىلساڭلار، خۇدا سىلەرنىمۇ بەختلىك قىلىدۇ. خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «ھاياتنى سۆيۈپ، ياخشى كۈن كەچۈرۈشنى خالايدىغانلار تىلىنى يامانلىقتىن، ئاغزىنى ھىيلە-مىكىرلىك سۆزلەردىن يىراق تۇتسۇن. يامانلىقنى تاشلاپ، ياخشى ئىشلارنى قىلسۇن، ھەممەيلەن بىلەن ئىناق ياشاشقا تىرىشسۇن. چۈنكى، پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ھەققانىيلاردىدۇر، قۇلاقلىرى ئۇلارنىڭ دۇئاسىدىدۇر. لېكىن، رەببىمىزنىڭ نەپرىتى يامانلىق قىلغۇچىلاردىدۇر.» ئەگەر سىلەر دائىم ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشساڭلار، باشقىلار سىلەرگە يامانلىق قىلمايدۇ. لېكىن، ھەققانىيلىق يولىدا ئازاب-ئوقۇبەت چەكسەڭلارمۇ، نەقەدەر بەختلىكسىلەر! باشقىلارنىڭ تەھدىتىدىن قورقماڭلار ۋە ئەنسىرەپ كەتمەڭلار. بەلكى، قەلبىڭلارنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن رەببىمىز ئەيساغا ئورۇن بېرىپ، ئۆزۈڭلارنى ئۇنىڭغا ئاتاڭلار. سىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتقا بولغان ئۈمىدىڭلارنىڭ سەۋەبىنى سورىغانلارغا جاۋاب بېرىشكە ھەر دائىم تەييار تۇرۇڭلار. بۇنى مۇلايىملىق ۋە ھۆرمەت بىلەن ئېيتىڭلار. ۋىجدانىڭلارنى ساپ تۇتۇڭلار-دە، سىلەرگە تۆھمەت قىلغۇچىلار سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلاردىن يېتىلگەن پەزىلىتىڭلارنى كۆرۈپ، ئۆزلىرى قىلغان تۆھمەتلەردىن خىجىل بولسۇن. ئەگەر ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىمىز خۇدانىڭ ئىرادىسى بولسا، ئۇنداقتا ياخشى ئىشلارنى قىلىپ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىمىز يامان ئىشلارنى قىلىپ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشىمىزدىن ئەۋزەلدۇر. ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، ئەيسا مەسىھ گۇناھ قىلىپ باقمىغان بولسىمۇ، ئازاب-ئوقۇبەت چېكىپ، ھەممىمىزنى خۇدا بىلەن ياراشتۇرۇش مەقسىتىدە بىز گۇناھكارلارنىڭ ئورنىدا ئۆلدى. ئۇنىڭ بىرلا قېتىملىق قۇربانلىق قىلىنىشى بىلەن بارلىق گۇناھلىرىمىز يۇيۇلدى. ئۇنىڭ تېنى ئۆلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ روھى تىرىلدۈرۈلدى. ئۇ سولاپ قويۇلغان روھلارنىڭ يېنىغا مۇشۇ روھىي ھاياتلىقى بىلەن بېرىپ، ئۆزىنىڭ بۇ غەلىبىسىنى جاكارلىدى. سولاپ قويۇلغان بۇ روھلار بۇرۇنقى زاماندا نۇھ پەيغەمبەر كېمە ياساۋاتقان مەزگىلدە خۇدا سەۋرچانلىق بىلەن ئۇلارنىڭ توۋا قىلىشىنى كۈتسىمۇ، خۇدانىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىغان كىشىلەرنىڭ روھلىرىدۇر. نۇھ پەيغەمبەر ياسىغان كېمىدە پەقەت بىرقانچە كىشىلا، يەنى جەمئىي سەككىز كىشى بولۇپ، ئۇلار سۇ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلدى. بۇ، بىزنىڭ ھازىرقى قۇتقۇزۇلغانلىقىمىزنى بىلدۈرىدىغان سۇغا چۆمۈلدۈرۈشىمىزنىڭ ئالدىن بېشارىتى بولىدۇ. چۆمۈلدۈرۈلۈشىمىز بەدىنىمىزنىڭ كىردىن تازىلىنىشى ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزنى ئەيسا مەسىھنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى ئارقىلىق پاك ۋىجدان بىلەن خۇداغا بېغىشلىشىمىزدۇر. تىرىلدۈرۈلگەن ئەيسا مەسىھ ئەرشكە چىقىپ، خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرماقتا. پەرىشتىلەر، ئەرشتىكى ھوقۇقدارلار ۋە باشقا بارلىق كۈچلۈكلەر ئۇنىڭغا تىز پۈكمەكتە. ئەيسا مەسىھ جىسمانىي جەھەتتە ئازاب-ئوقۇبەت چەككەنىكەن، سىلەرمۇ شۇنداق ئىرادە بىلەن ئۆزۈڭلارنى قوراللاندۇرۇڭلار. چۈنكى، خۇدا يولىدا جىسمانىي جەھەتتە ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن كىشى گۇناھ قىلىشنى توختىتىشقا بەل باغلىغان بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، كېيىنكى ھاياتىڭلارنى يامان ھەۋەسلەرگە بېرىلىش بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئىرادىسىگە مۇۋاپىق ئۆتكۈزىسىلەر. بۇرۇن سىلەر خۇداغا ئېتىقاد قىلمايدىغانلار ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىپ، كۆپ ۋاقتىڭلارنى ئۆتكۈزۈۋەتتىڭلار. سىلەر بۇزۇقچىلىق، شەھۋانىيلىق، ھاراقكەشلىك، ئەيش-ئىشرەت، ئاچكۆزلەرچە يەپ-ئىچىش ۋە يىرگىنچلىك بۇتپەرەسلىك ئىچىدە ياشاپ كەلگەنىدىڭلار. خۇداغا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئادەملەر ھازىر سىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە ئوخشاش شەھۋانىي تۇرمۇشقا بېرىلمىگەنلىكىڭلارغا ئەجەبلىنىپ، سىلەرنى ھاقارەتلىمەكتە. لېكىن، ئۇلار بۇ قىلمىشلىرى ئۈچۈن سوراق قىلىشقا تەييار تۇرغان خۇداغا ھېساب بېرىدۇ. كەلگۈسىدە خۇدا پۈتكۈل ئىنساننى، مەيلى تىرىكلەر ياكى ئۆلگەنلەر بولسۇن، سوراق قىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرى ئۆلگەنلەرگىمۇ، ئۇلار ئۆلمەستىن بۇرۇن يەتكۈزۈلگەنىدى. نەتىجىدە، خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغانلار گەرچە جىسمانىي جەھەتتە باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاش، خۇدانىڭ ھۆكۈمى بىلەن ئۆلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ روھى خۇدا ئاتا قىلىدىغان مەڭگۈلۈك ھايات بىلەن ياشايدۇ. دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىدىغان كۈنى يېقىنلاشماقتا. شۇڭا، سىلەر ئېغىر-بېسىقلىق ۋە سەگەكلىك بىلەن دۇئا قىلىڭلار. ھەممىدىن مۇھىمى، بىر-بىرىڭلارغا سەمىمىي مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار. چۈنكى، مېھىر-مۇھەببەت نۇرغۇن گۇناھلارنى كەچۈرگۈزۈۋېتىدۇ. بىر-بىرىڭلاردىن نارازى بولماي، مېھماندوست ئۆتۈڭلار. خۇدا تەرىپىدىن ھەربىرىڭلارغا خىلمۇخىل ھەدىيە سۈپىتىدە ئاتا قىلىنغان قابىلىيەتلەرنى ياخشى قوللىنىپ، بىر-بىرىڭلارغا خىزمەت قىلىڭلار. كىمگە خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرىش قابىلىيىتى ئاتا قىلىنغان بولسا، ئۇ خۇدانىڭ سۆزلىرىنى سۆزلىسۇن، كىمگە باشقىلارغا خىزمەت قىلىش قابىلىيىتى ئاتا قىلىنغان بولسا، ئۇ خۇدانىڭ بەرگەن كۈچ-قۇدرىتى بىلەن خىزمەت قىلسۇن. بۇنىڭ بىلەن، ھەممە ئىشتا خۇدا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق مەدھىيىلىنىدۇ. بارلىق شان-شەرەپ ۋە كۈچ-قۇدرەت خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن! قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، سىلەر قاتتىق سىناقلارغا دۇچ كەلگىنىڭلاردا، ئاجايىپ بىر ئىشقا يولۇقۇپ قالدىم، دەپ ھەيران بولماڭلار. ئەكسىچە، ئەيسا مەسىھنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە ئورتاق بولغانلىقىڭلاردىن خۇشال بولۇڭلار. ئۇ شان-شەرەپ بىلەن قايتىپ كەلگەندە، سىلەرمۇ شاد-خۇراملىققا چۆمىسىلەر. ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلىقىڭلار سەۋەبىدىن ھاقارەتكە ئۇچرىساڭلار، نەقەدەر بەختلىكسىلەر! چۈنكى، خۇدانىڭ ئۇلۇغ روھى سىلەرنىڭ قەلبىڭلاردىن ئورۇن ئالغان. ئاراڭلاردىن بىرىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشى ھەرگىزمۇ قاتىللىق، ئوغرىلىق ۋە يامانلىقلارنى قىلىش ياكى باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىش سەۋەبىدىن بولمىسۇن. لېكىن، ئاراڭلاردىن بىرى ئەيسا مەسىھكە ئەگەشكۈچى دەپ ئاتالغانلىقى سەۋەبىدىن ئازاب-ئوقۇبەت چەكسە، ئۇ بۇنىڭدىن نومۇس قىلمىسۇن. ئەكسىچە، شۇ نام بىلەن ئاتالغانلىقى ئۈچۈن خۇدانى مەدھىيىلىسۇن. چۈنكى، سوراق ۋاقتى باشلاندى. بۇ سوراق ئالدى بىلەن خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى، يەنى ئېتىقادچىلارنىڭ ئېتىقادىنى سىناشتىن باشلىنىدۇ. ئەگەر بۇ بىز ئېتىقادچىلار ئۈچۈن قىيىن بولسا، ئۇ ھالدا خۇدانىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىغانلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولار؟ دەل مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «ئەگەر ئادىل ئادەملەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى تەس بولسا، خۇدا يولىدا ماڭمىغانلار ۋە باشقا گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولار؟» شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئازاب-ئوقۇبەت چەككەنلەر جېنىنى ئىشەنچلىك ياراتقۇچىغا ئامانەت قويۇپ، ياخشى ئىشلارنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرسۇن. ھازىر مەن ئاراڭلاردىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىلىرىگە بىر ئېغىز سۆز قىلماقچىمەن. چۈنكى، مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش بىر يېتەكچى ھەمدە ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتە چەككەن ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنىڭ گۇۋاھچىسى، ئۇ قايتىپ كەلگەندە ئۇنىڭ نامايان قىلىدىغان شان-شەرىپىدىن بەھرىمەن بولغۇچىمەن. يېتەكچى سۈپىتىمدە سىلەر يېتەكچىلەردىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، قويچى قويلىرىغا ياخشى قارىغىنىغا ئوخشاش، سىلەرمۇ خۇدا سىلەرگە ئامانەت قىلغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىڭلار. بۇنى مەجبۇرەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە رازىمەنلىك بىلەن قىلىڭلار؛ پۇل تېپىش ئۈچۈن ئەمەس، قىزغىنلىق بىلەن قىلىڭلار. سىلەرگە ئامانەت قىلىنغان بۇ ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ ھۆكۈمرانى بولۇۋالماڭلار، ئەكسىچە بۇ جامائەتچىلىككە ئۈلگە بولۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، باش قويچى ئەيسا مەسىھ قايتىپ كەلگەندە، مەڭگۈ چېچەكلەپ تۇرىدىغان شان-شەرەپ تاجىغا ئېرىشىسىلەر. ئەي يىگىتلەر، سىلەرمۇ يېتەكچىلەرگە بويسۇنۇڭلار. ھەممىڭلار بىر-بىرىڭلارغا كەمتەر بولۇڭلار. چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «خۇدا قارشىدۇر تەكەببۇرلارغا، مېھىر-شەپقەت قىلار كەمتەرلەرگە.» ئۆزۈڭلارنى خۇدانىڭ قۇدرەتلىك قولى ئاستىدا تۆۋەن تۇتۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ۋاقتى كەلگەندە خۇدا سىلەرنى ئۈستۈن قىلىدۇ. بارلىق غەم-قايغۇلىرىڭلارنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار. چۈنكى، ئۇ سىلەرگە غەمخورلۇق قىلىدۇ. ئۆزۈڭلارنى ھوشيار ۋە سەگەك تۇتۇڭلار. چۈنكى، دۈشمىنىڭلار بولغان شەيتان خۇددى ئېچىرقاپ كەتكەن شىردەك ئاراڭلاردىكى ئېتىقادچىلارنى يۇتماقچى بولۇپ، قاتراپ يۈرىدۇ. سىلەر مۇستەھكەم ئېتىقادىڭلار بىلەن شەيتانغا تاقابىل تۇرۇڭلار. چۈنكى ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قېرىنداشلىرىڭلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش، ئازاب-ئوقۇبەت چېكىۋاتىدۇ. پۈتكۈل مېھىر-شەپقەتنىڭ مەنبەسى بولغان خۇدا سىلەرنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك شان-شەرىپىگە چاقىرغان. سىلەر ۋاقىتلىق ئازاب-ئوقۇبەت چەككىنىڭلاردىن كېيىن، خۇدا سىلەرنى دەس تۇرغۇزۇپ، سىلەرنى چىداملىق قىلىپ، ئېتىقادىڭلارنى مۇستەھكەم ۋە تەۋرەنمەس قىلىدۇ. بارلىق كۈچ-قۇدرەت خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن! مەن خۇدا يولىدىكى سادىق قېرىندىشىم سىلاسنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ قىسقىغىنا خەتنى يازدىم. ئۇشبۇ خەتنى يېزىشىمدىكى مەقسەت، سىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە خۇدانىڭ ھەقىقىي مېھىر-شەپقىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ مېھىر-شەپقەتتە چىڭ تۇرۇڭلار. سىلەر بىلەن بىللە خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان بابىلدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدىن ۋە خۇدا يولىدىكى ئوغلۇم ماركۇستىن سىلەرگە سالام. بىر-بىرىڭلار بىلەن مېھرىبانلارچە سالاملىشىڭلار. سىلەرگە، يەنى ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان ھەممىڭلارغا ئامانلىق يار بولغاي! ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى ۋە ئەلچىسى بولغان مەنكى سىمۇن پېترۇستىن سىلەرگە سالام! سىلەر بىزنىڭ خۇدايىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز بولغان ئەيسا مەسىھنىڭ ئادىللىقى ئارقىلىق بىز بىلەن ئوخشاش قىممەتلىك بىر ئېتىقادقا مۇيەسسەر بولدۇڭلار. سىلەر خۇدانى ۋە رەببىمىز ئەيسانى تونۇغانسېرى، خۇدانىڭ سىلەرگە كۆرسىتىدىغان مېھىر-شەپقىتى ۋە ئامانلىقى تېخىمۇ ئاشقاي! بىز ئەيسا مەسىھنى ھەقىقىي تونۇغانلىقىمىزدىن، ئۇ ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى، يەنى خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئارقىلىق بىزگە خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ھايات كەچۈرۈشىمىز ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان ھەممە نەرسىنى ئاتا قىلدى. ئۇ بىزنى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە ئېسىل پەزىلىتى بىلەن چاقىردى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە ئېسىل پەزىلىتى ئارقىلىق بىزگە ناھايىتى ئۇلۇغ ۋە قىممەتلىك ۋەدىلەرنى بەردى. بۇلار ئارقىلىق بىز بۇ دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ بولمىغۇر ھەۋەسلىرىدىن كېلىپ چىققان ئەخلاقسىزلىقتىن قۇتۇلۇپ، خۇدانىڭ تەبىئىتىگە ئوخشاش تەبىئەتكە ئىگە بولالايمىز. شۇڭا، سىلەر پۈتۈن كۈچۈڭلار بىلەن ئېتىقادىڭلارغا ئېسىل پەزىلەتنى، ئېسىل پەزىلىتىڭلارغا خۇدا توغرىسىدىكى بىلىمنى، بىلىمىڭلارغا ئۆزۈڭلارنى باشقۇرۇشنى، ئۆزۈڭلارنى باشقۇرۇشۇڭلارغا سەۋرچانلىقنى، سەۋرچانلىقىڭلارغا خۇداغا بولغان ئىخلاسمەنلىكنى، ئىخلاسمەنلىكىڭلارغا قېرىنداشلارنى سۆيۈشنى، قېرىنداشلارنى سۆيۈشۈڭلارغا باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشنى قوشۇشقا تىرىشىڭلار. چۈنكى، سىلەر بۇ خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولساڭلار، شۇنداقلا بۇ خۇسۇسىيەتلەرنى ھاياتىڭلاردا تېخىمۇ يېتىلدۈرسەڭلار، سىلەرنىڭ رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە بولغان تونۇشۇڭلار ئەھمىيەتسىز بولمايدۇ، ئەكسىچە ھاياتىڭلاردا ياخشى نەتىجىلەر بارلىققا كېلىدۇ. بۇ خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولمىغان كىشى پەقەت بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرەلەيدىغان ياكى كور كىشىگە ئوخشايدۇ. ئۇنداق كىشى بۇرۇنقى گۇناھلىرىدىن پاك قىلىنغانلىقىنى ئۇنتۇغان بولىدۇ. ئەي قېرىنداشلار، خۇدا سىلەرنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس خەلقى بولۇشقا تاللىدى ۋە چاقىردى. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر ئۆز ھاياتىڭلاردا بۇنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىڭلار. مانا شۇنداق قىلساڭلار، ھېچقاچان ئېتىقاد يولىدىن چەتنەپ كەتمەيسىلەر. رەببىمىز بولغان قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مەڭگۈلۈك پادىشاھلىقىدىمۇ قىزغىن قارشى ئېلىنىسىلەر. شۇڭا، گەرچە سىلەر بۇ ئىشلارنى بىلگەن ھەمدە ئۆزۈڭلارغا يەتكۈزۈلگەن ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇۋاتقان بولساڭلارمۇ، مەن يەنىلا ھەر دائىم بۇ ئىشلارنى ئېسىڭلارغا سالماقچىمەن. ھايات ۋاقتىمدا بۇلارنى سەمىڭلارغا سېلىپ، سىلەرنى ئويغىتىپ تۇرۇشنى لايىق كۆردۈم. رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ بۇرۇن ماڭا ئايان قىلغىنىدەك، ھاياتىمنىڭ پات ئارىدا ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇۋاتىمەن. سىلەرنىڭ بۇ ئىشلارنى مەن بۇ دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىنمۇ ھەر دائىم ئېسىڭلاردىن چىقارماسلىقىڭلار ئۈچۈن كۈچۈمنىڭ بارىچە تىرىشىۋاتىمەن. بىز ئەلچىلەر سىلەرگە ئۇقتۇرغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە قايتا كېلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى ھەرگىزمۇ ئۆزىمىز ئويدۇرۇپ چىقمىدۇق. بىز ئەيسا مەسىھنىڭ شان-شۆھرىتىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەنمىز. ئەيسا مەسىھ مۇقەددەس تاغدا خۇدائاتىمىزدىن شان-شەرەپ ۋە ئۇلۇغلۇققا ئېرىشكەندە، ئۇلۇغ خۇدانىڭ: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. شۇ چاغدا، بىز مۇقەددەس تاغدا ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە بولغاچقا، ئەرشتىن كەلگەن بۇ ئاۋازنى ئۆز قۇلىقىمىز بىلەن ئاڭلىدۇق. شۇنىڭ بىلەن، بىز بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەيسا مەسىھ ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي چۈشەندۇق. ئۇ سۆزلەرگە قۇلاق سالساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر. چۈنكى، تاڭ سۈزۈلگۈچە، يەنى تاڭ يۇلتۇزى ئەيسا مەسىھ كېلىپ، قەلبىڭلارنى تولۇق يورۇتقۇچە، بۇ سۆزلەر خۇددى قاراڭغۇلۇقتا يولنى يورۇتۇپ بېرىدىغان چىراغقا ئوخشاش چاقناپ تۇرىدۇ. شۇنى ئەڭ مۇھىم دەپ بىلىڭلاركى، مۇقەددەس يازمىلاردىكى ۋەھىيلەرنى پەيغەمبەرلەر ئۆزلىرى ئويلاپ چىققان ئەمەس. چۈنكى، ھەرقانداق ۋەھىي ئىنسانلارنىڭ ئىرادىسىدىن كەلمەيدۇ. ئەكسىچە، ئۇلار خۇدانىڭ سۆزلىرى بولۇپ، مۇقەددەس روھنىڭ تەسىرلەندۈرۈشى بىلەن يەتكۈزۈلگەن. بۇرۇن ئىسرائىل خەلقى ئىچىدە ساختا پەيغەمبەرلەر بولغىنىدەك، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىمۇ ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر مەيدانغا چىقىدۇ. ئۇلار ئادەملەرنى ھالاك قىلىدىغان ساختا تەلىملەرنى ئاراڭلارغا يوشۇرۇن كىرگۈزىدۇ. ئۇلار ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنىڭ بەدىلىنى تۆلەپ جېنىنى قۇربان قىلغان رەبنىمۇ رەت قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار تېزلا ئۆز بېشىغا ھالاكەت كەلتۈرىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنىڭ شەرمەندىلىكىگە ئەگىشىپ كېتىدۇ. بۇ ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر سەۋەبىدىن ئەيسا مەسىھ ۋە ئۇنىڭ ھەقىقەت يولى ھاقارەتكە ئۇچرايدۇ. ئۇلار ئاچكۆز بولغاچقا، ئويدۇرما سۆزلەر بىلەن مال-مۈلكۈڭلارنى تالان-تاراج قىلىدۇ. خۇدانىڭ ئۇلارغا بېرىدىغان جازاسى بۇرۇندىن تەيياردۇر، ئۇلارنىڭ ھالاكىتى بولسا كېچىكتۈرۈلمەيدۇ. خۇدا گۇناھ سادىر قىلغان پەرىشتىلەرنى ئاياپ قويمىدى. بەلكى، ئۇلارنى دوزاخقا تاشلاپ، ئۇلارنى سوراققا تارتقۇچە، قاراڭغۇ ئۆڭكۈرلەردە سولاپ قويدى. خۇدا قەدىمكى زامانلاردا ياشىغان كىشىلەرنىمۇ ئاياپ قويمىدى. ئۇلار گۇناھقا بېرىلگەن بولغاچقا، خۇدا دۇنيانى كەلكۈن بىلەن غەرق قىلىپ، ئۇلارنى جازالىدى. خۇدا پەقەت شۇ زاماندىكى كىشىلەرنى ھەققانىيلىق يولىغا مېڭىشقا دەۋەت قىلغان نۇھ پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى يەتتە كىشىنى ساقلاپ قالدى. خۇدا كېيىن يەنە سودوم ۋە گومورا شەھىرىدىكى كىشىلەرنى جازالاپ، ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋەتتى. خۇدا مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق گۇناھ يولىدا ماڭغانلارنىڭ قانداق جازالارغا ئۇچرايدىغانلىقى توغرىسىدا كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئىبرەت بەردى. لېكىن، خۇدا بۇ ئىككى شەھەردىكى كىشىلەرنى جازالاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ شەھۋانىيلىقلىرىدىن يىرگەنگەن ھەم توغرا يولدا ماڭغان لۇتنى قۇتقۇزغانىدى. ئاشۇنداق كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ياشىغان بۇ دۇرۇس ئادەمنىڭ قەلبى ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن رەزىل ئىشلار تۈپەيلىدىن ھەر كۈنى ئازابلىناتتى. شۇنىڭدىن كۆرۈۋالالايمىزكى، خۇدا توغرا يولدا ماڭغانلارنى ئۇلار دۇچ كەلگەن سىناقلاردىن قانداق قۇتقۇزىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇنىڭدەك، خۇدا سوراق كۈنىگىچە گۇناھ يولىدا ماڭغانلارنى جازالاشنى قانداق داۋاملاشتۇرۇشنى، بولۇپمۇ چىرىك ھەۋەسلەرگە بېرىلگەن ۋە خۇدانىڭ ھوقۇقىغا سەل قارىغان ھېلىقى ساختا تەلىم بەرگۈچىلەرنى قانداق جازالاشنى بىلىدۇ. ئۇلار ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ، مەغرۇرلارچە ئىش قىلىدۇ ھەم ئەرشتىكى ئۇلۇغلارغا ھاقارەت قىلىشتىن قورقمايدۇ. ھەتتا كۈچ-قۇدرەتتە بۇ ساختا تەلىم بەرگۈچىلەردىن ھەسسىلەپ ئۈستۈن بولغان پەرىشتىلەرمۇ خۇدانىڭ ئالدىدا ئەرشتىكى بۇ ئۇلۇغلارغا تۆھمەت چاپلاپ ئۇلارنى ئەيىبلىمەيدۇ. لېكىن، بۇ ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر ئۆزلىرى چۈشەنمەيدىغان ئىشلار ئۈستىدە خالىغانچە كۇپۇرلۇق قىلىدۇ. بۇ كىشىلەر خۇددى ئوۋلىنىپ بوغۇزلىنىش ئۈچۈن تۇغۇلغان ياۋايى ھايۋاناتلاردەك ئەقىلسىز كېلىدۇ ھەمدە بۇ ياۋايى ھايۋاناتلارغا ئوخشاش ھالاك قىلىنىدۇ. بۇ كىشىلەر باشقىلارغا قىلغان ناھەقچىلىكىگە تۇشلۇق جازاغا ئۇچرايدۇ. ئۇلار ھەتتا كۈندۈزى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئەيش-ئىشرەت قىلىشنىمۇ لەززەت، دەپ ھېسابلايدۇ. بۇ كىشىلەر سىلەر بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغىنىدا، سىلەرنى ئالدىغانلىقىدىن زوقلىنىدۇ ھەمدە سىلەرگە نومۇس ۋە داغ كەلتۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبى زىناخورلۇق ھەۋەسلىرى بىلەن تولغان بولۇپ، توختىماستىن گۇناھ سادىر قىلىپ تۇرىدۇ ۋە ئېتىقادتا ئاجىز كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبى ئاچكۆزلۈككە كۆنۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار خۇدانىڭ لەنىتىگە كەتكەنلەردۇر. ئۇلار بېئورنىڭ ئوغلى بىلئامنىڭ يولىغا مېڭىپ، توغرا يولدىن چەتنەپ كەتتى. بىلئام پۇلپەرەس بولغاچقا، يامانلىق قىلدى. ئۇنىڭ قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن خۇدا ئۇنى ئەيىبلىدى. خۇدا ئۇنىڭ ئېشىكىنى زۇۋانغا كەلتۈرۈپ، بۇ «پەيغەمبەر»~نىڭ قىلماقچى بولغان ئەخمەقلەرچە ئىشىنى توسىدى. بۇ ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر قۇرۇپ كەتكەن بۇلاقلارغا ۋە گۈلدۈرى بار، يامغۇرى يوق بۇلۇتلارغا ئوخشايدۇ. خۇدا ئۇلارغا قاپقاراڭغۇلۇقتا جاي ھازىرلاپ قويدى. چۈنكى، ئۇلار يالغان-ياۋىداق سۆزلەر بىلەن ماختىنىپ، ئۆزىنى خاتا يولدىن يېڭىلا تارتقانلارنىڭ شەھۋانىي ھەۋەسلىرىنى قوزغىتىش بىلەن ئۇلارنى ئازدۇرىدۇ. ئۇلار ئازدۇرۇلغانلارغا، «سىلەر بىزگە ئوخشاش مۇشۇنداق قىلساڭلار، ھەقىقىي ئەركىن بولىسىلەر» دەپ ۋەدە قىلىدۇ. لېكىن، ئۇلار ئەمەلىيەتتە چىرىكلىكنىڭ قۇللىرىدۇر. چۈنكى، ئادەم نېمە تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان بولسا، شۇنىڭ قۇلى بولىدۇ. ئەگەر بىرى رەببىمىز بولغان قۇتقۇزغۇچى ئەيسا مەسىھنى تونۇش ئارقىلىق بۇ دۇنيانىڭ ناپاكلىقلىرىدىن قۇتۇلۇپ، كېيىن شۇنداق ناپاك ئىشلارغا يەنە قايتا كىرىشىپ قېلىپ شۇ ناپاكلىقلارنىڭ قۇلى بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ كېيىنكى ھالى دەسلەپكىسىدىنمۇ يامان بولىدۇ. چۈنكى، ھەققانىيلىق يولىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۆزىگە يەتكۈزۈلگەن مۇقەددەس ئەمردىن يۈز ئۆرۈگەندىن كۆرە، بۇ يولنى زادىلا بىلمىگەن ياخشى. ئۇنىڭ يامان يولغا قايتقىنى دەل ھېكمەتلىك سۆزلەردە ئېيتىلغىنىغا ئوخشايدۇ: «ئىت ئايلىنىپ ئۆز قۇسۇقىنى يەر» ۋە يەنە «چوشقا يۇيۇنۇپ چىقىپلا پاتقاقتا ئېغىنار.» قەدىرلىك قېرىنداشلار، ھازىر سىلەرگە يېزىۋاتقىنىم ئىككىنچى خېتىمدۇر. ھەر ئىككى خېتىمدە بۇ ئىشلارنى سەمىڭلارغا سېلىپ، سىلەرنى توغرا پىكىر قىلىشقا يېتەكلەشكە تىرىشتىم. مۇقەددەس پەيغەمبەرلىرىمىز بۇرۇن ئېيتقان سۆزلەرنى ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئەلچىلەر ئارقىلىق بەرگەن ئەمرلەرنى ئېسىڭلاردا تۇتۇشۇڭلارنى سورايمەن. ئەڭ مۇھىمى شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، ئاخىر زاماندا ئۆزىنىڭ يامان ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىدىغان، سىلەرنى مەسخىرە قىلىدىغان كىشىلەر چىقىدۇ. ئۇلار سىلەرنى، «رەببىڭلار مەن قايتا كېلىمەن دېگەنغۇ! ئۇ قېنى؟ ئۇ قايتىپ كەلمىدىغۇ! بوۋىلىرىمىز ئالەمدىن ئۆتۈپ تاكى ھازىرغىچە ھەممە ئىشلار ئوخشاش بولۇپ، دۇنيا ئاپىرىدە بولغان ۋاقىتتىكىدىن ھېچقانداق پەرقى يوقتۇر» دەپ مەسخىرە قىلىشىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار ئەڭ قەدىمكى زاماندا خۇدانىڭ ئۆز ئەمرى بىلەن ئاسماننى ياراتقانلىقىنى ۋە يەرنىڭ سۇدىن ھەم سۇ ئارقىلىق بارلىققا كەلگەنلىكىنى قەستەن ئۇنتۇيدۇ. خۇدا سۇ بىلەن، يەنى كەلكۈن سۈيى بىلەن نۇھ پەيغەمبەر ياشىغان دۇنيانى غەرق قىلغانىدى. خۇدا يەنىلا ئۆز ئەمرى بىلەن ئۆزىنىڭ يولىدا ماڭمىغانلارنىڭ سوراققا تارتىلىپ ھالاك قىلىنىدىغان ئاشۇ كۈندە ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ئوتتا كۆيدۈرۈلۈشىنى بەلگىلىدى. شۇڭا، ئاسمان بىلەن زېمىن تا شۇ كۈنىگىچە ساقلىنىدۇ. قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، شۇنى ئۇنتۇماڭلاركى، رەببىمىز ۋاقىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغاچقا، ئۇنىڭ نەزىرىدە بىر كۈن مىڭ يىلدەك، مىڭ يىل بىر كۈندەكتۇر. رەببىمىز ھەرگىزمۇ بەزىلەرنىڭ ئويلىغىنىدەك ئۆزىنىڭ قايتا كېلىشى توغرىسىدىكى ۋەدىسىنى ئورۇنداشنى كېچىكتۈرگىنى يوق. بەلكى، ئۇ سىلەرگە كەڭچىلىك قىلىش سەۋەبىدىن تېخى قايتا كەلمىدى. خۇدا ھېچكىمنىڭ مەڭگۈ ھالاك بولۇشىنى خالىمايدۇ، بەلكى ئۇ بارلىق ئىنسانلارنىڭ توۋا قىلىشىنى خالايدۇ. لېكىن، رەببىمىز ئەيسا چوقۇم قايتىپ كېلىدۇ. بۇ كۈننىڭ كېلىشى خۇددى ئوغرىنىڭ كېلىشىدەك كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا بولىدۇ. ئۇ كۈنى پۈتۈن ئاسمان قاتتىق گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز بىلەن غايىب بولىدۇ. ئاسمان جىسىملىرى كۆيۈپ تۈگەيدۇ. زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى پۈتكۈل نەرسىلەرمۇ كۆيۈپ گۇمران بولىدۇ. ھەممە نەرسە مانا شۇنداق يوقىلىدۇ. ئۇنداقتا، سىلەر قانداق ئادەملەردىن بولۇشۇڭلار كېرەك؟ سىلەر پاك ياشاپ، خۇدا يولىدا ماڭىدىغان ئادەملەردىن بولۇشۇڭلار كېرەك. سىلەر قىيامەت كۈنىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈپ، ئۇ كۈننىڭ تېزرەك كېلىشى ئۈچۈن بار كۈچۈڭلار بىلەن خۇداغا خىزمەت قىلىڭلار. ئۇ كۈننىڭ كېلىشى بىلەن پۈتۈن ئاسمان كۆيۈپ تۈگەيدۇ، ئاسمان جىسىملىرىمۇ شىددەتلىك ئوتتا ئېرىپ يوقايدۇ. لېكىن، بىز خۇدا ۋەدە قىلغان يېڭى ئاسمان-زېمىننى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈۋاتىمىز. ئۇ يەردە پەقەت ھەققانىيلىق يولىدا ماڭىدىغانلارلا ياشىيالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، بۇ ئىشلارنى كۈتۈۋاتقانىكەنسىلەر، خۇدانىڭ ئالدىدا ئەيىبسىز ۋە قۇسۇرسىز ياشاشقا ھەمدە خۇدا بىلەن ئىناقلىقنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىڭلار. رەببىمىزنىڭ كەڭچىلىك قىلىشىنى كۆپ ئادەملەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇش پۇرسىتى، دەپ بىلىڭلار. بۇ دەل قەدىرلىك قېرىندىشىمىز پاۋلۇسنىڭ ئۆزىگە ئاتا قىلىنغان ئەقىل-پاراسەت بىلەن سىلەرگە يازغىنىغا ئوخشاشتۇر. ئۇ بارلىق خەتلىرىدە بۇ ئىشلار ھەققىدە توختالغان. ئۇنىڭ خەتلىرىدە چۈشىنىش تەس بولغان بەزى جايلار بار. خۇدا توغرىسىدىكى بىلىمى ئاز ۋە ئېتىقادتا ئاجىز كىشىلەر مۇقەددەس يازمىلارنىڭ باشقا قىسىملىرىنى بۇرمىلىغاندەك، ئۇنىڭ خەتلىرىدىكى چۈشىنىش تەس بولغان جايلارنىمۇ بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىدۇ. مۇشۇنداق قىلغانلار ئۆزىگە ھالاكەت ئېلىپ كېلىدۇ. قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، بۇ ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر توغرىسىدىكى ئىشلارنى ئالدىنئالا بىلگەنىكەنسىلەر، بۇ رەزىل ئادەملەرنىڭ خاتا تەلىمىگە ئەگىشىپ، مۇستەھكەم مەيدانىڭلارنى يوقىتىپ قويۇشتىن ھوشيار بولۇڭلار. ئەكسىچە، ئېتىقادىڭلار رەببىمىز بولغان قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە ئۇنىڭغا بولغان تونۇشۇڭلار ئارقىلىق داۋاملىق ئۆسۈپ بارسۇن. بارلىق شان-شەرەپ رەببىمىزگە ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي! بىز بۇ خېتىمىزدە سىلەرگە ئەزەلدىن بار بولغان ھاياتلىق كالامى توغرىسىدا بايان قىلماقچىمىز. بىز بۇ ھاياتلىق كالامىنى ئۆز قۇلىقىمىز بىلەن ئاڭلىغان، ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەن ۋە كۆزەتكەن ھەمدە ئۇنى ئۆز قوللىرىمىز بىلەن تۇتقان. بۇ ھاياتلىق بىزگە ئايان بولدى. بىز ئۇنى كۆردۇق. شۇڭا، بۇ ھەقتە گۇۋاھلىق بېرىمىز ھەمدە ئەسلىدە ئەرشتىكى ئاتىمىز بىلەن بىللە بولۇپ، كېيىن بىزگە ئايان بولغان بۇ مەڭگۈلۈك ھاياتنى سىلەرگە بايان قىلىمىز. سىلەرنىڭمۇ بىز بىلەن قېرىنداش بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى سىلەرگە يەتكۈزۈۋاتىمىز. بىز بۇنداق قېرىنداشلىقتىن بىللە بەھرىمەن بولالايمىز. چۈنكى، بىز ھەممىمىز بىرلىكتە ئاتىمىز ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھكە باغلاندۇق. ھەممىمىزنىڭ خۇشاللىقى تولۇپ تاشسۇن دەپ، بۇلارنى سىلەرگە يېزىۋاتىمىز. بىز ئەيسا مەسىھتىن ئاڭلىغان ھەم سىلەرگە يەتكۈزمەكچى بولغان خەۋەر دەل شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، خۇدا يورۇقلۇقتۇر، ئۇنىڭدا ھېچقانداق قاراڭغۇلۇق بولمايدۇ. ئەگەر ئۆزىمىزنى خۇداغا يېقىن دەپ تۇرۇپ، يەنىلا گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، قاراڭغۇلۇقتا مېڭىۋەرسەك، يالغان ئېيتقان ۋە ھەقىقەتكە ئەمەل قىلمىغان بولىمىز. شۇڭا، خۇدا يورۇقلۇقتا بولغىنىدەك، بىزمۇ يورۇقلۇقتا بولساق، بىر-بىرىمىزگە يېقىن بولىمىز ھەم خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىق قېنى بىزنى بارلىق گۇناھتىن پاك قىلىدۇ. گۇناھىمىز يوق دېسەك، ئۆز-ئۆزىمىزنى ئالدىغان بولىمىز ۋە ھەقىقەت قەلبىمىزدىن ئورۇن ئالمىغان بولىدۇ. گۇناھلىرىمىزنى ئىقرار قىلساق، ئىشەنچلىك ۋە ئادىل خۇدا گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلىپ، بىزنى بارلىق گۇناھلىرىمىزدىن پاك قىلىدۇ. گۇناھ قىلمىدۇق دېسەك، خۇدانى يالغانچى قىلىپ قويغان بولىمىز ۋە ئۇنىڭ سۆزى قەلبىمىزدىن ئورۇن ئالمىغان بولىدۇ. ئەزىز بالىلىرىم، مەن سىلەرنى گۇناھ سادىر قىلمىسۇن دەپ، بۇ سۆزلەرنى يازماقتىمەن. مۇبادا بىرىمىز گۇناھ سادىر قىلساق، ئاقلىغۇچىمىز بولغان ئادىل ئەيسا مەسىھ ئەرشتىكى ئاتىمىزنىڭ ئالدىدا بىزنى ئاقلايدۇ. ئەيسا مەسىھ گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن قىلىنغان قۇربانلىقتۇر. ئۇنىڭ ئۆز جېنىنى قۇربان قىلىشى پەقەت بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈندۇر. خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلساق، ئۇ چاغدا خۇدانى تونۇغانلىقىمىزنى بىلەلەيمىز. «خۇدانى تونۇيمەن» دەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلمىغان كىشى يالغانچىدۇر، ئۇنىڭدا ھەقىقەت يوقتۇر. لېكىن، خۇدانىڭ سۆزىگە ئەمەل قىلساق، خۇداغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىزنى ھەقىقەتەن مۇكەممەل ئىپادىلىگەن بولىمىز. ئۆزىمىزنىڭ خۇداغا باغلىنىپ ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ئەنە شۇنىڭدىن بىلەلەيمىز. «خۇداغا باغلىنىپ ياشايمەن» دېگەن كىشى ئەيسا مەسىھكە ئوخشاش ياشىشى كېرەك. قەدىرلىك قېرىنداشلار، سىلەرگە بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغان يېڭى بىر ئەمرنى ئەمەس، بەلكى بۇرۇندىن تارتىپ سىلەر قوبۇل قىلىپ كېلىۋاتقان كونا ئەمرنى يازماقتىمەن. بۇ ئەمر خۇدانىڭ سىلەر بۇرۇندىنلا ئاڭلاپ كېلىۋاتقان سۆزىدۇر. لېكىن، بۇ ئەمرنى يېڭى ئەمر دېسەكمۇ بولىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكى ئەيسا مەسىھنىڭ ھاياتىدا ۋە سىلەرنىڭ ھاياتىڭلاردا نامايان بولدى. قاراڭغۇلۇق ئاخىرلاشماقتا، ھەقىقىي يورۇقلۇق بولسا ئۆز نۇرىنى چېچىشقا باشلىماقتا. كىمدەكىم ئۆزىنى «يورۇقلۇقتا ياشاۋاتىمەن» دەپ تۇرۇپ، قېرىندىشىغا ئۆچمەنلىك قىلسا، ئۇ يەنىلا قاراڭغۇلۇقتا تۇرۇۋاتقان بولىدۇ. قېرىندىشىغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن كىشى يورۇقلۇقتا ياشايدۇ، ئۇنىڭدا گۇناھقا باشلايدىغان ھېچنېمە قالمايدۇ. لېكىن، قېرىندىشىغا ئۆچمەنلىك قىلغان كىشى قاراڭغۇلۇقتىدۇر. ئۇ قاراڭغۇلۇقتا ماڭىدۇ ۋە قەيەرگە كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ، چۈنكى قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىۋەتكەن. ئەزىز بالىلىرىم، مەن بۇ خېتىمنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن، چۈنكى گۇناھلىرىڭلار ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق كەچۈرۈم قىلىندى. ئاتىلار، بۇنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن، چۈنكى سىلەر ئەزەلدىن بار بولغۇچىنى تونۇدۇڭلار. يىگىتلەر، بۇنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن، چۈنكى سىلەر شەيتان ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىڭلار. ئەزىز بالىلىرىم، بۇنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن، چۈنكى سىلەر ئەرشتىكى ئاتىمىزنى تونۇدۇڭلار. ئاتىلار، بۇنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن، چۈنكى سىلەر ئەزەلدىن بار بولغۇچىنى تونۇدۇڭلار. يىگىتلەر، بۇنى سىلەرگە يېزىۋاتىمەن، چۈنكى ئېتىقادىڭلار كۈچلۈك، خۇدانىڭ سۆزى قەلبىڭلاردا ياشايدۇ، شەيتان ئۈستىدىنمۇ غەلىبە قىلدىڭلار. بۇ دۇنيانى ۋە بۇ دۇنيادىكى ئىشلارنى سۆيمەڭلار. بۇ دۇنيانى سۆيسەڭلار، ئەرشتىكى ئاتىمىزنى سۆيمىگەن بولىسىلەر. چۈنكى، بۇ دۇنيادىكى ئىشلار، يەنى جىسمانىي ھەۋەس، ئاچكۆزلۈك ۋە مەغرۇرلۇققا ئوخشاشلارنىڭ ھەممىسى بۇ دۇنياغا مەنسۇپ بولۇپ، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئەرشتىكى ئاتىمىزدىن كەلگەن ئەمەس. بۇ دۇنيا ۋە ئۇنىڭدىكى ھەۋەسلەرنىڭ ھەممىسى ئۆتۈپ كېتىدۇ. لېكىن، خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلغان كىشى مەڭگۈ ياشايدۇ. ئەزىز بالىلىرىم، زامان ئاخىرى بولۇپ قالدى. سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ رەقىبىنىڭ ئاخىر زاماندا كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان. ئەمەلىيەتتە، ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا نۇرغۇنلىرى مەيدانغا چىقتى. بۇنىڭدىن زامان ئاخىرى بولۇپ قالغانلىقى بىزگە مەلۇم. ئۇلار ئارىمىزدىن چىقتى، لېكىن ئۇلار بىزنىڭ كىشىلىرىمىزدىن ئەمەس. چۈنكى، بىزنىڭ كىشىلىرىمىزدىن بولغان بولسا، بىزدىن ئايرىلمىغان بولاتتى. ئۇلارنىڭ ئايرىلىپ كېتىشى ھېچقايسىسىنىڭ راستتىنلا بىزنىڭ كىشىلىرىمىزدىن ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. سىلەر بولساڭلار ئەيسا مەسىھتىن مۇقەددەس روھنى قوبۇل قىلدىڭلار. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەممىڭلار ھەقىقەتنى بىلىسىلەر. سىلەرگە بۇ خەتنى يىزىشىمدىكى سەۋەب، سىلەرنىڭ ھەقىقەتنى بىلمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھەقىقەتنى بىلىپ، يالغانچىلىقنىڭ ھەقىقەتتىن كېلىپ چىقمايدىغانلىقىنى چۈشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈندۇر. ئەمىسە، كىم ئۇچىغا چىققان يالغانچى؟ ھەزرىتى ئەيسانى رەت قىلىپ، ئۇنى «مەسىھ، يەنى قۇتقۇزغۇچى ئەمەس» دەپ قارىغان ئادەم ئۇچىغا چىققان يالغانچىدۇر! ئەرشتىكى ئاتىمىزنى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنى رەت قىلغان كىشى ئەيسا مەسىھنىڭ رەقىبىدۇر. خۇدا ئۆز ئوغلىنى رەت قىلغانلارنىڭ ئاتىسى بولمايدۇ. ئەكسىچە، ئۇنى ئېتىراپ قىلغانلارنىڭ ئاتىسى بولىدۇ. بۇرۇندىن ئاڭلاپ كېلىۋاتقان تەلىمنى داۋاملىق قەلبىڭلاردا ساقلاڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، سىلەرمۇ داۋاملىق ئەرشتىكى ئاتىمىز ۋە ئۇنىڭ ئوغلىغا باغلىنىپ ياشاۋاتقان بولىسىلەر. ئەيسا مەسىھنىڭ بىزگە قىلغان ۋەدىسى بىزنى مەڭگۈ ھاياتلىققا ئېرىشتۈرۈشتۇر. سىلەرنى ئازدۇرماقچى بولغانلارنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇلارنى سىلەرگە يازدىم. سىلەرگە كەلسەك، ئەيسا مەسىھ سىلەرگە ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھ قەلبىڭلاردا بولغاچقا، سىلەر باشقىلارنىڭ يېڭى تەلىمىگە موھتاج ئەمەسسىلەر. مۇقەددەس روھ سىلەرگە ھەممە ھەقىقەتنى ئۆگىتىدۇ. چۈنكى، ئۇ ھەقتۇر، يالغان ئەمەستۇر. شۇڭا، مۇشۇ ھەقىقەت بويىچە داۋاملىق ئەيسا مەسىھكە باغلىنىپ ياشاڭلار. دېمەك، ئەزىز بالىلىرىم، داۋاملىق ئەيسا مەسىھكە باغلىنىپ ياشاڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئۇ قايتىپ كەلگەندە يۈرىكىمىز توق تۇرىدۇ ھەم ئۇنىڭ ئالدىدا خىجالەتچىلىكتە قالمايمىز. خۇدانىڭ ئادىل ئىكەنلىكىنى بىلگەنىكەنسىلەر، ئادىللىققا ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭ ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنلىكىنىمۇ بىلەلەيسىلەر. قاراڭلار، ئەرشتىكى ئاتىمىز بىزگە نەقەدەر مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن-ھە! ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى شۇنچىلىك چوڭقۇركى، ئۇ بىزنى «پەرزەنتلىرىم» دەپ ئاتىدى. ھەقىقەتەنمۇ بىز خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىمىز. بىراق، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلار ئەرشتىكى ئاتىمىزنى تونۇمىغانلىقتىن، بىزنىڭ خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنلىكىمىزنىمۇ تونۇپ يېتەلمەيدۇ. قەدىرلىك قېرىنداشلار، بىز ھازىر خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىمىز، لېكىن كەلگۈسىدە قانداق بولىدىغانلىقىمىز تېخى بىزگە ئوچۇق ئايان قىلىنمىغان. بىراق، ئەيسا مەسىھ قايتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭغا ئوخشاش بولىدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز. چۈنكى، شۇ چاغدا ئۇ قانداق بولسا، بىز ئۇنى شۇ پېتى كۆرىمىز. ئەيسا مەسىھكە بۇ ئۈمىدنى باغلىغان ھەرقانداق كىشى ئۆزىنى پاك تۇتىدۇ. چۇنكى، ئەيسا مەسىھ پاكتۇر. گۇناھ سادىر قىلغان كىشى خۇدانىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ. چۈنكى، گۇناھ سادىر قىلغانلىق خۇدانىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقتۇر. ھالبۇكى، سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ ئىنسانلارنى گۇناھىدىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن دۇنياغا كەلگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر. شۇڭا، ئەيسا مەسىھكە باغلىنىپ ياشاۋاتقان كىشى گۇناھ سادىر قىلىۋەرمەيدۇ. گۇناھ سادىر قىلىۋېرىدىغان كىشى ئەيسا مەسىھنى چۈشەنمىگەن ۋە ئۇنى تونۇپ يەتمىگەن بولىدۇ. ئەزىز بالىلىرىم، كىشىلەر سىلەرنى ئالداپ كەتمىسۇن. ھەققانىيلىققا ئەمەل قىلغان كىشى ئەيسا مەسىھ ھەققانىي بولغىنىدەك ھەققانىيدۇر. لېكىن، گۇناھ سادىر قىلىۋېرىدىغان كىشى شەيتانغا مەنسۇپتۇر. چۈنكى، شەيتان ئەلمىساقتىن تارتىپ گۇناھ سادىر قىلىپ كەلمەكتە. خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا كېلىشتىكى مەقسىتى شەيتاننىڭ قىلمىشلىرىنى يوقىتىشتۇر. خۇدانىڭ پەرزەنتى بولغان كىشى گۇناھ سادىر قىلىۋەرمەيدۇ. ئۇنىڭدا خۇدانىڭ تەبىئىتى مەۋجۇت بولغاچقا، گۇناھ سادىر قىلىۋېرەلمەيدۇ. ھەققانىي يول تۇتمايدىغان ياكى قېرىندىشىغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتمەيدىغان كىشى خۇدانىڭ پەرزەنتى ئەمەستۇر. خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن شەيتاننىڭ پەرزەنتلىرى مانا مۇشۇنىڭ بىلەن پەرقلىنىدۇ. بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى! مانا بۇ، سىلەر بۇرۇندىن ئاڭلاپ كېلىۋاتقان تەلىم. شەيتانغا مەنسۇپ بولۇپ، ئىنىسىنى ئۆلتۈرگەن قابىلغا ئوخشاش بولماڭلار! قابىل نېمىشقا ئىنىسىغا ئۆچمەنلىك قىلىپ، ئۇنى ئۆلتۈردى؟ ئۇ ئۆزىنىڭ قىلغانلىرى ناھەق، ئىنىسىنىڭ قىلغانلىرى ھەق بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلغان. شۇڭا، قېرىنداشلار، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلار سىلەرگە ئۆچمەنلىك قىلسا، بۇنىڭغا ھەيران قالماڭلار. بىز قېرىنداشلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەنلىكىمىزدىن، ئۆلۈمدىن مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئۆتكەنلىكىمىزنى بىلىمىز. مېھىر-مۇھەببەتلىك بولمىغان كىشى ئۆلۈمنىڭ ئىلكىدە قالىدۇ. قېرىندىشىغا ئۆچمەنلىك قىلغان كىشى خۇدانىڭ نەزىرىدە قاتىلدۇر. ھېچقانداق بىر قاتىلنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە بولالمايدىغانلىقىنى بىلىسىلەر. بىز مېھىر-مۇھەببەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ئەيسا مەسىھنىڭ بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلغانلىقىدىن بىلەلەيمىز. شۇڭا، بىزمۇ قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئۆز جېنىمىزنى پىدا قىلىشقا تەييار تۇرۇشىمىز كېرەك. ئەگەر مال-دۇنياسى بار بولغان كىشى قېرىندىشىنىڭ ئېھتىياجىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ياردەم قىلمىسا، بۇنداق كىشىدە نەدىمۇ خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بولسۇن؟ ئەزىز بالىلىرىم، قۇرۇق سۆز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيەت ۋە ھەقىقەت بىلەن باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى. بىز قېرىنداشلىرىمىزغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەنلىكىمىزدىن ئۆزىمىزنىڭ ھەقىقەتكە مەنسۇپ ئىكەنلىكىمىزنى بىلەلەيمىز ۋە خۇدانىڭ ئالدىدا ئۆزىمىزنى خاتىرجەم قىلالايمىز. شۇنداقتىمۇ، بەزىدە ۋىجدانىمىز يەنىلا ئازابلانسا، شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، خۇدا ۋىجدانىمىزدىن ئۇلۇغ ۋە ھەممىنى بىلگۈچىدۇر. قەدىرلىك قېرىنداشلار، ئەگەر ۋىجدانىمىز ئازابلانمىسا، يۈرىكىمىز توق ھالدا خۇدانىڭ ئالدىغا بارالايمىز. شۇنداقلا، خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىپ، ئۇنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلغانلىقىمىزدىن، ئۇنىڭدىن تىلىگەنلىرىمىزگە ئېرىشەلەيمىز. خۇدانىڭ ئەمرى شۇكى، ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشىمىز ھەمدە ئەيسا مەسىھنىڭ بىزگە بۇيرۇغىنىدەك، بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشىمىزدىن ئىبارەتتۇر. خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغان كىشى خۇداغا باغلىنىپ ياشىغان ۋە خۇدا ئۇنىڭ قەلبىدە ياشىغان بولىدۇ. خۇدانىڭ قەلبىمىزدە ياشايدىغانلىقىنى ئۇنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھىدىن بىلىمىز. قەدىرلىك قېرىنداشلار، «مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ۋەھىي يەتكۈزدۇم» دەيدىغانلارنىڭ ھەممىسىگىلا ئىشەنمەڭلار. ئۇلارنىڭ روھىنىڭ خۇدادىن كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنى سىناڭلار. چۈنكى، نۇرغۇن ساختا پەيغەمبەرلەر دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدا پەيدا بولدى. بىر كىشىدە خۇدانىڭ روھىنىڭ بار ياكى يوقلۇقىنى مۇنداق پەرقلەندۈرۈشكە بولىدۇ: ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا ئىنسان تېنىدە كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان كىشىدە خۇدانىڭ روھى بار بولىدۇ. بىراق، بۇنى ئېتىراپ قىلمىغان كىشىدە خۇدانىڭ روھى يوق بولىدۇ. بۇنداقلاردا ئەيسا مەسىھنىڭ رەقىبىنىڭ روھى باردۇر. بۇ روھنىڭ كېلىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاڭلىغانىدىڭلار. دەرۋەقە، ئۇ ھازىرمۇ دۇنيادا مەۋجۇتتۇر. ئەزىز بالىلىرىم، سىلەر بولساڭلار خۇداغا مەنسۇپ، سىلەر ساختا پەيغەمبەرلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىڭلار. چۈنكى، سىلەردىكى مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بۇ دۇنيادىكى شەيتاننىڭ كۈچىدىن ئۇلۇغدۇر. ساختا پەيغەمبەرلەر بۇ دۇنياغا مەنسۇپ. شۇڭا، ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ سۆزلىرىنى قىلىدۇ، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلارمۇ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلايدۇ. بىز بولساق خۇداغا مەنسۇپ. شۇڭا، خۇدانى تونۇغان كىشى بىزنىڭ سۆزلىرىمىزنى ئاڭلايدۇ. خۇداغا مەنسۇپ بولمىغان كىشى بولسا بىزنىڭ سۆزلىرىمىزنى ئاڭلىمايدۇ. مانا بۇنىڭدىن بىر كىشىدە ھەقىقەتكە يېتەكلەيدىغان روھ ياكى يالغانچىلىققا ئازدۇرىدىغان روھنىڭ بارلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. قەدىرلىك قېرىنداشلار، بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى. چۈنكى، مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ئۆزى خۇدادىن كېلىدۇ. مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن كىشى خۇدانىڭ پەرزەنتى بولغان بولىدۇ ۋە خۇدانى تونۇيدۇ. مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتمىگەن كىشى خۇدانى تونۇمىغان بولىدۇ. چۈنكى، خۇدا ئۆزى مېھىر-مۇھەببەتتۇر. خۇدا بىزنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنى بۇ دۇنياغا ئەۋەتتى ۋە بۇنىڭ بىلەن بىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسەتتى. ھەقىقىي مېھىر-مۇھەببەت بىزنىڭ خۇداغا كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىمىز ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ بىزگە كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىدۇر. چۈنكى، ئۇ بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن، ئۆز ئوغلىنى قۇربان بولۇشقا ئەۋەتتى. قەدىرلىك قېرىنداشلار، خۇدا بىزگە شۇ قەدەر مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن يەردە، بىزمۇ بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشىمىز كېرەك. ھېچكىم ھېچقاچان خۇدانى كۆرگەن ئەمەس، لېكىن بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتسەك، خۇدا قەلبىمىزدە ياشايدۇ ۋە ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ھاياتىمىزدا مۇكەممەل ئىپادىلەنگەن بولىدۇ. خۇداغا باغلىنىپ ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ۋە خۇدانىڭ بىزنىڭ قەلبىمىزدە ياشاۋاتقانلىقىنى ئۇنىڭ ئۆز روھىنى بىزگە ئاتا قىلغانلىقىدىن بىلىمىز. ئەرشتىكى ئاتىمىز ئۆز ئوغلى ئەيسا مەسىھنى بۇ دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولۇشقا ئەۋەتتى. بۇنى بىز كۆردۇق ھەم بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمىز. ئەگەر كىمدەكىم ئەيسا مەسىھنىڭ خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ئېتىراپ قىلسا، خۇدا ئۇنىڭدا، ئۇمۇ خۇدادا ياشايدۇ. بۇنىڭ بىلەن، خۇدانىڭ بىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى تونۇپ يېتىمىز ۋە بۇنىڭدىن گۇمانلانمايمىز. خۇدا ئۆزى مېھىر-مۇھەببەتتۇر. شۇڭا، مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە ياشىغان كىشى خۇدادا ياشايدۇ، خۇدامۇ ئۇنىڭدا ياشايدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا، مېھىر-مۇھەببەت بىزدە مۇكەممەللىشىدۇ. قىيامەت كۈنى، خۇدانىڭ ئالدىدا يۈرىكىمىز توق بولىدۇ. چۈنكى، ئەيسا مەسىھ خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقاندەك، ھازىر بىزمۇ بۇ دۇنيادا شۇ مېھىر-مۇھەببەتتىن بەھرىمەندۇرمىز. مېھىر-مۇھەببەتتە قورقۇنچ بولمايدۇ. مېھىر-مۇھەببەت مۇكەممەل بولسا، قورقۇنچنى يوققا چىقىرىدۇ. چۈنكى، قورقۇنچ خۇدانىڭ جازاسى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ، قورقۇنچ بار كىشىدە مېھىر-مۇھەببەت مۇكەممەل ئەمەستۇر. بىزنىڭ قەلبىمىز مېھىر-مۇھەببەتلىك، چۈنكى خۇدا ئالدى بىلەن بىزگە مېھىر-مۇھەببەتلىك بولدى. ئەگەر بىرى، «خۇدانى سۆيىمەن» دەپ تۇرۇپ، قېرىندىشىغا ئۆچمەنلىك قىلسا، ئۇ يالغانچىدۇر. چۈنكى، كۆزىگە كۆرۈنۈپ تۇرغان قېرىندىشىغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتمىگەن كىشى كۆرۈپ باقمىغان خۇدانى قانداقمۇ سۆيسۇن؟ شۇڭا، خۇدا بىزگە: «خۇدانى سۆيگەن كىشى قېرىندىشىنىمۇ سۆيسۇن» دەپ ئەمر قىلغان. ئەيسانىڭ مەسىھ، يەنى قۇتقۇزغۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن كىشى خۇدانىڭ پەرزەنتى بولغان بولىدۇ. ئاتىسىنى سۆيىدىغان كىشى ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىمۇ سۆيىدۇ. بىز ئۆزىمىزنىڭ خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىنى سۆيىدىغانلىقىمىزنى قانداق بىلىمىز؟ خۇدانى سۆيۈپ، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشىمىز ئارقىلىق بىلىمىز. خۇدانى سۆيۈش ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىش دېمەكتۇر. ئۇنىڭ ئەمرلىرىمۇ ئېغىر ئەمەس. چۈنكى، خۇدانىڭ پەرزەنتى بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادى ئارقىلىق بۇ دۇنيادىكى يامانلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ. بۇ دۇنيادىكى يامانلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلغۇچىلار زادى كىملەر؟ ئۇلار پەقەت ئەيسا مەسىھنى خۇدانىڭ ئوغلى، دەپ ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلاردۇر. ئەيسا مەسىھ دۇنياغا كەلگەندە، سۇدا چۆمۈلدۈرۈش رەسمىيىتىنىمۇ، كرېستكە مىخلىنىپ قان تۆكۈشنىمۇ بېشىدىن ئۆتكۈزدى. ئۇ كەلگەندە، پەقەت سۇدا چۆمۈلدۈرۈش رەسمىيىتىدىن ئۆتۈپلا قالماستىن، بەلكى ئۆز قېنىنى تۆكۈپ قۇربانلىقنىمۇ بەردى. مۇقەددەس روھنىڭ ئۆزىمۇ بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. چۈنكى، خۇدانىڭ روھى ھەقىقەتتۇر. ئەيسا مەسىھ توغرۇلۇق ئۈچ گۇۋاھلىق بار. بۇلار: مۇقەددەس روھ، چۆمۈلدۈرۈش سۈيى ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ تۆككەن قېنىدىن ئىبارەت. بۇ ئۈچىنىڭ گۇۋاھلىقى بىردەكتۇر. بىز ئىنسانلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئىشەنچلىك، دەپ قارىغان يەردە، خۇدانىڭ گۇۋاھلىقى تېخىمۇ ئىشەنچلىكتۇر. خۇدا ئۆز ئوغلى ئەيسا مەسىھ توغرىسىدا شۇنداق گۇۋاھلىق بەرگەن. خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان كىشى خۇدانىڭ گۇۋاھلىقىنى ھەق، دەپ بىلىدۇ. بىراق، خۇدانىڭ گۇۋاھلىقىغا ئىشەنمىگەن كىشى خۇدانى يالغانچى، دەپ قارىغان بولىدۇ. چۈنكى ئۇ، خۇدانىڭ ئۆز ئوغلى توغرۇلۇق بەرگەن گۇۋاھلىقىغا ئىشەنمىگەن بولىدۇ. بۇ گۇۋاھلىق شۇكى، خۇدا بىزگە مەڭگۈلۈك ھاياتنى ئاتا قىلدى. بۇ ھاياتلىق بىزگە ئۇنىڭ ئوغلى ئارقىلىق كەلدى. شۇڭا، خۇدانىڭ ئوغلىنى قوبۇل قىلغان كىشى ھاياتلىققا ئىگە بولغان بولىدۇ. بىراق، خۇدانىڭ ئوغلىنى قوبۇل قىلمىغان كىشى ھاياتلىققا ئىگە بولمىغان بولىدۇ. مەن بۇلارنى خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان سىلەرگە مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە بولغانلىقىنى بىلسۇن، دەپ يازدىم. خۇدانىڭ ئالدىدا يۈرىكىمىز شۇنداق توقكى، خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئۇيغۇن نېمىنى تىلىسەك، ئۇ دۇئا-تىلاۋىتىمىزنى چوقۇم ئاڭلايدۇ. ئۇنىڭ ئاڭلايدىغانلىقىنى بىلگەنىكەنمىز، نېمىنى تىلىسەك، شۇنى بېرىدىغانلىقىنىمۇ بىلىمىز. بىرى قېرىندىشىنىڭ مەڭگۈلۈك ئۆلۈمگە ئېلىپ بارمىغۇدەك گۇناھ سادىر قىلغانلىقىنى كۆرسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلسۇن. بۇنىڭ بىلەن، خۇدا ئۇنىڭ بۇ قېرىندىشىغا ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ. بۇ، ئۆلۈمگە ئېلىپ بارمىغۇدەك گۇناھ ئۆتكۈزگەنلەرگە قارىتا ئېيتىلغان. لېكىن، مەڭگۈلۈك ئۆلۈمگە ئېلىپ بارغۇدەك گۇناھمۇ بار. مەن سىلەرنى بۇنداق گۇناھ سادىر قىلغانلار ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار دېمەيمەن. ھەممە ئادالەتسىزلىك گۇناھتۇر. لېكىن مەڭگۈلۈك ئۆلۈمگە ئېلىپ بارمايدىغان گۇناھمۇ بار. خۇدانىڭ پەرزەنتى بولغان كىشىنىڭ گۇناھ سادىر قىلىۋەرمەيدىغانلىقىنى بىلىمىز. چۈنكى، خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھ بۇنداق كىشىنى قوغداپ قالىدۇ. شۇڭا، شەيتانمۇ ئۇنىڭغا تېگەلمەيدۇ. بىزگە مەلۇمكى، بىز خۇداغا مەنسۇپمىز. ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلار بولسا شەيتاننىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر. يەنە بىزگە مەلۇمكى، خۇدانىڭ ئوغلى دۇنياغا كەلدى ۋە ھەقىقىي خۇدانى تونۇشىمىز ئۈچۈن، ئۇ بىزگە ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلدى. بىز ھەقىقىي خۇداغا باغلىنىپ ياشاۋاتىمىز. چۈنكى، بىز ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھكە باغلانغانمىز. ئەيسا مەسىھ ھەقىقىي خۇدادۇر ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر! ئەزىز بالىلىرىم، خۇداغا بېغىشلانغان قەلبىڭلاردىكى ئورۇننى ھەرقانداق نەرسىلەرنىڭ ئىگىلىۋېلىشىدىن ساقلىنىڭلار. خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان خانىمغا ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىگە مەنكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىسىدىن سالام! مەن چىن كۆڭلۈمدىن سىلەرنى سۆيىمەن. سىلەرنى يالغۇز مەنلا ئەمەس، خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى تونۇپ يەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى سۆيىدۇ. چۈنكى، بۇ ھەقىقەت قەلبىمىزدە ياشىماقتا ۋە مەڭگۈ بىزگە يار بولىدۇ. ئەرشتىكى ئاتىمىز ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھ ھەقىقەت ۋە مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە ياشايدىغان بىزلەرگە مېھىر-شەپقەت، رەھىمدىللىك ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي! پەرزەنتلىرىڭىزدىن بەزىلىرىنىڭ ئەرشتىكى ئاتىمىزدىن ئالغان ئەمر بويىچە ھەقىقەت يولىدا ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم. ھۆرمەتلىك خانىم، ئەمدى مەن سىزدىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، بىز ھەممىمىز بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشىمىز كېرەك. مەن سىزگە يېزىۋاتقانلىرىم يېڭى بىر ئەمر ئەمەس، بەلكى بىز بۇرۇندىن تارتىپ قوبۇل قىلىپ كېلىۋاتقان ئەمردۇر. مېھىر-مۇھەببەت خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىپ ياشاش دېمەكتۇر. خۇدانىڭ ئەمرى بولسا سىلەر بۇرۇندىن تارتىپ ئاڭلاپ كېلىۋاتقاندەك، مېھىر-مۇھەببەت يولىدا مېڭىشتۇر. نۇرغۇن ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدا پەيدا بولدى. ئۇلار ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا ئىنسان تېنىدە كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. بۇنداقلار دەل ئالدامچى ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ رەقىبىدۇر. خۇدا يولىدا سىڭدۈرگەن ئەجرىڭلارنى يوقىتىپ قويماي، خۇدانىڭ تولۇق ئىنئامىغا ئىگە بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارغا ئاگاھ بولۇڭلار. ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىملىرىدە چىڭ تۇرماي، ئۇنىڭدىن چەتنىگەنلەر خۇدائاتىغا باغلانمىغان بولىدۇ. ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىملىرىدە چىڭ تۇرغانلار بولسا ئەرشتىكى ئاتىمىز ۋە ئۇنىڭ ئوغلىغا باغلىنىپ ياشاۋاتىدۇ. ئەگەر بىرەر كىشى سىلەرنىڭ جامائەتچىلىكىڭلارغا ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىملىرىنى ئەمەس، بەلكى باشقىچە تەلىم ئېلىپ كەلگەن بولسا، ئۇنى ئۆيۈڭلارغا تەكلىپ قىلماڭلار ھەم ئۇنى قارشى ئالماڭلار. چۈنكى، ئۇنداق ئادەمنى قارشى ئالغان كىشى ئۇنىڭ يامان ئىشلىرىغا شېرىك بولغۇچىدۇر. سىلەرگە دەيدىغان يەنە كۆپ سۆزلىرىم بار ئىدى. لېكىن، قەغەز بىلەن سىياھنى ئىشلەتكەندىن كۆرە، خۇشاللىقىمىزنىڭ تولۇپ تېشىشى ئۈچۈن، يېنىڭلارغا بېرىپ دىدار كۆرۈشۈپ سۆزلىشىشنى ئەۋزەل بىلدىم. خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان ھەدىڭىزنىڭ پەرزەنتلىرىدىن سىزگە سالام! قەدىرلىك گايۇسقا، مەنكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىسىدىن سالام! مەن چىن كۆڭلۈمدىن سېنى سۆيىمەن. قەدىرلىك دوستۇم، قەلبىڭ ساغلام بولغاندەك، ھەممە ئىشلىرىڭنىڭ ئوڭۇشلۇق ۋە تېنىڭنىڭ سالامەت بولۇشىغا تىلەكداشمەن. بەزى قېرىنداشلار كېلىپ، سېنىڭ خۇدانىڭ ھەقىقىتىدە چىڭ تۇرغانلىقىڭنى، يەنى ھەقىقەت يولىدا داۋاملىق مېڭىۋاتقانلىقىڭنى ئېيتقاندا، مەن بەك خۇرسەن بولدۇم. مەن ئۈچۈن، پەرزەنتلىرىمنىڭ ھەقىقەت يولىدا مېڭىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاشتىنمۇ چوڭ خۇشاللىق يوقتۇر. قەدىرلىك دوستۇم، ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلىش يولىدا كەلگەن قېرىنداشلارنىڭ بەزىلىرى ھەتتا ساڭا ناتونۇش بولسىمۇ، سەن ئۇلارغا ياردەم بېرىپ كەلدىڭ. بۇ سېنىڭ خۇداغا بولغان ساداقەتمەنلىكىڭنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار بۇ يەردىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئالدىدا سېنىڭ بۇ مېھىر-مۇھەببىتىڭگە گۇۋاھلىق بەردى. ئۇلارنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق كۈتۈۋېلىپ، خۇدانى خۇرسەن قىلغان ھالدا ئۇلارنىڭ سەپىرىگە ياردەم بەرسەڭ، ياخشى قىلغان بولىسەن. چۈنكى، ئۇلار بۇ سەپەردە ئېتىقاد قىلمىغانلارنىڭ ھەرقانداق ياردىمىنى قوبۇل قىلماي، ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمىتىدە يولغا چىقتى. شۇڭا، بىز بۇنداق ئىخلاسمەن كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە ھەقىقەت يولىدا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىمىز كېرەك. بۇ توغرۇلۇق جامائەتچىلىككە بىر پارچە خەت يازغانىدىم. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزىنى چوڭ تۇتۇۋالغان، جامائەتچىلىككە باشلىق بولۇش تەمەسىدە بولغان دىئوتىرىپ بىزنىڭ سۆزىمىزگە كىرمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن بارغاندا، ئۇنىڭ قىلغان ئەسكىلىكلىرىنى يۈزىگە سالىمەن. ئۇ بىزگە رەزىل سۆزلەر بىلەن ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. ئۇ بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئۈچۈن كەلگەن قېرىنداشلىرىمىزنىمۇ قوبۇل قىلمايۋاتىدۇ. ھەتتا بۇ قېرىنداشلىرىمىزنى قوبۇل قىلماقچى بولغان كىشىلەرنى توسۇپ، ئۇلارنى جامائەتچىلىكتىن قوغلاپ چىقىرىۋاتىدۇ. قەدىرلىك دوستۇم، يامانلىقتىن ئەمەس، ياخشىلىقتىن ئۈلگە ئال. ياخشىلىق قىلغان كىشى خۇداغا مەنسۇپتۇر. يامانلىق قىلغان كىشى خۇدانى تونۇپ يەتمىگەندۇر. دېمىترگە كەلسەك، ھەممەيلەن ئۇنى ياخشى ئادەم، دەپ ماختىماقتا. بۇنى ئۇنىڭ ھەقىقەت يولىدا قانداق ماڭغانلىقىدىنمۇ بىلگىلى بولىدۇ. بىزمۇ ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمىز. گۇۋاھلىقىمىزنىڭ راستلىقىنى سەنمۇ بىلىسەن. ساڭا دەيدىغان يەنە كۆپ سۆزلىرىم بار ئىدى. لېكىن، قەلەم بىلەن سىياھنى ئىشلەتكەندىن كۆرە، سەن بىلەن پات ئارىدا دىدار كۆرۈشۈشنى ئەۋزەل بىلدىم. شۇ چاغدا سۆزلىشەرمىز. ئامانلىق ساڭا يار بولسۇن! دوستلىرىڭدىن ساڭا سالام. سەنمۇ ئۇ يەردىكى دوستلىرىمىزنىڭ ھەممىسىگە مەندىن سالام ئېيتقايسەن. ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى، ياقۇپنىڭ ئىنىسى مەنكى يەھۇدادىن، خۇدائاتىمىز تەرىپىدىن چاقىرىلغان، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە ئېرىشكەن، ئەيسا مەسىھ تەرىپىدىن قوغداپ قېلىنغانلارغا سالام. خۇدا سىلەرگە ھەسسىلەپ رەھىمدىللىك، ئامانلىق ۋە مېھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلغاي! قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، مەن ئەسلى سىلەرگە ھەممىمىز بەھرىمەن بولۇۋاتقان قۇتقۇزۇلۇش توغرىسىدا يېزىشقا ئىنتىزار بولۇپ كەلگەنىدىم. بىراق، ھازىر بۇنىڭ ئورنىغا سىلەرنى خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقىتىنى ساقلاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، بۇ خەتنى يېزىش كېرەكلىكىمنى ھېس قىلدىم. خۇدا بۇ ئۆزگەرمەس ھەقىقەتنى بىر يولىلا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس خەلقىگە ئامانەت قىلغان. بۇ خەتنى چوقۇم يېزىشىم كېرەك، چۈنكى خۇدا يولىدا ماڭمىغان بەزى كىشىلەر ئاراڭلارغا سۇقۇنۇپ كىرىۋېلىپ، بۇزۇقچىلىق قىلىۋەرسەكمۇ خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن كەچۈرۈلىمىز، دېگەندەك تەلىملەرنى بېرىپ، بىردىنبىر ئىگىمىز ۋە رەببىمىز بولغان ئەيسا مەسىھنى رەت قىلماقتا. ئۇلارنىڭ سوراققا تارتىلىشى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا بۇرۇنلا پۈتۈلگەن. بۇرۇن رەببىمىز ئۆز خەلقى بولغان ئىسرائىللارنى مىسىردىكى قۇللۇقتىن قۇتقۇزدى. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆزىگە ئىشەنمىگەنلەرنى كېيىن ھالاك قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن خەۋىرىڭلار بولسىمۇ، مەن ئۇنى يەنىلا ئېسىڭلارغا سېلىشنى توغرا تاپتىم. يەنە شۇنىمۇ ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، ئۆز ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشنى خالىماي، ئۆز ئورۇنلىرىنى تاشلاپ كەتكەن پەرىشتىلەرنى رەببىمىز ئۇلۇغ قىيامەت كۈنىنىڭ سورىقىغىچە مەڭگۈ ئېچىلمايدىغان كىشەنلەر بىلەن كىشەنلەپ قاراڭغۇلۇققا تاشلىدى. سودوم، گومورا ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەرنىڭ خەلقلىرىنىمۇ يادىڭلاردىن چىقارماڭلار. ئۇلار خۇددى خۇداغا بويسۇنمىغان پەرىشتىلەرگە ئوخشاش، خۇداغا بويسۇنماي، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق ۋە غەيرىي شەھۋانىيلىقلارغا بېرىلىپ كېتىپ، ئاخىرى ئوتتا كۆيدۈرۈلگەن. بۇ خەلقلەر يامانلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ مەڭگۈلۈك ئوتتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىگە ئىبرەت قىلىندى. ئاراڭلارغا كىرىۋالغان بۇ ئادەملەر «خۇدادىن ۋەھىي كەلدى» دەپ، بۇزۇقلۇق قىلىپ، شۇ تەرىقىدە ئۆز تەنلىرىنى بۇلغىماقتا. ئۇلار خۇدانىڭ ھوقۇقىغا پىسەنت قىلماي، ئەرشتىكى ئۇلۇغلارغا كۇپۇرلۇق قىلماقتا. ھەتتا باش پەرىشتە مىكائىلمۇ مۇسانىڭ جەسىتى توغرىسىدا شەيتان بىلەن تالاش-تارتىش قىلغاندا، ئۇنى ھاقارەتلىك سۆزلەر بىلەن ئەيىبلەشكە پېتىنالمىغان، پەقەت «سېنى پەرۋەردىگار ئەيىبلىسۇن» دەپلا قويغان. لېكىن، بۇ كىشىلەر ئۆزلىرى چۈشەنمەيدىغان ئىشلار ئۈستىدە كۇپۇرلۇق قىلىدۇ. ئۇلار ئەقىلسىز ھايۋانلاردەك، ئۆز تەبىئىتىنىڭ ئىنكاسى بويىچە ياشاپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ھالاك قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى، ئۇلار ئۆز ئىنىسىنى ئۆلتۈرگەن قابىلنىڭ يولى بىلەن ماڭدى. پۇل تېپىش ئۈچۈن، بىلئامغا ئوخشاش ھەرقانداق يامان ئىشنى قىلدى. كوراھ خۇداغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ ھالاك بولغاندەك، ئۇلارمۇ ئاخىر ھالاك بولىدۇ. دوستانە زىياپەتلىرىڭلاردا تارتىنماي، سىلەر بىلەن رەببىمىزنىڭ داستىخىنىغا داخىل بولغان بۇ كىشىلەر سىلەرگە داغ كەلتۈرىدۇ. ئۇلار ئۆز نەپسىنىلا ئويلاپ، شامال ھەيدىگەن يامغۇرسىز بۇلۇتلاردەك بولۇپ، پۈتۈنلەي قۇرۇپ كېتىپ، يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلانغان كەچ كۈزنىڭ مېۋىسىز دەرەخلىرىگە ئوخشايدۇ. خۇددى دېڭىزنىڭ دەھشەتلىك دولقۇنلىرى مەينەتچىلىكنى قىرغاققا ئۇرۇپ چىقارغاندەك، ئۇلار ئۆز بۇزۇقچىلىقىنىڭ چاۋىسىنى چىتقا يايىدۇ. ئۇلار خۇددى ئېقىپ چۈشكەن يۇلتۇزلارغا ئوخشاش بولۇپ، مەڭگۈلۈك ھازىرلاپ قويۇلغان قاپقاراڭغۇلۇققا يۈزلىنىدۇ. ئادەم~ئاتىنىڭ يەتتىنچى ئەۋلادى بولغان ھانۇخ بۇ كىشىلەر توغرىسىدا مۇنداق دەپ ئالدىن ئېيتقان: «قاراڭلار، رەببىمىز تۈمەنمىڭلىغان مۇقەددەس پەرىشتىلىرى بىلەن كەلمەكتە. ئۇ پۈتكۈل ئىنسانلارنى سوراق قىلىپ، ئۇنىڭ يولىدا ماڭمىغان ھەربىر ئىنساننىڭ خۇداغا قارشى ھالدا قىلغان يامانلىقلىرى، شۇنداقلا بۇ گۇناھكارلارنىڭ رەببىمىزگە قارشى قىلغان بارلىق كۇپۇرلۇقلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى جازالايدۇ.» بۇ كىشىلەر ھامان غوتۇلداپ، ئاغرىنىپ يۈرىدۇ. ئۆز ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىدۇ، ماختىنىپ سۆزلەيدۇ، ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن باشقىلارغا خۇشامەتچىلىك قىلىدۇ. قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، سىلەر رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ ئالدىن ئېيتقان سۆزلىرىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. ئۇلار سىلەرگە: «ئاخىر زاماندا، گۇناھقا پاتقان ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىپ، خۇدانى مازاق قىلىدىغانلار چىقىدۇ» دېگەنىدى. ئۇلار ئاراڭلارغا بۆلگۈنچىلىك سالىدىغان، ئۆز تەبىئىتى تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنغان، قەلبىدە مۇقەددەس روھ بولمىغان كىشىلەردۇر. لېكىن سىلەر، قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، ئۆزۈڭلارنى ئىنتايىن مۇقەددەس بولغان ئېتىقادىڭلارنىڭ ئۇلى ئۈستىدە ئۆسۈپ يېتىلدۈرۈڭلار ۋە مۇقەددەس روھقا تايىنىپ دۇئا قىلىڭلار. رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ رەھىمدىللىك بىلەن سىلەرگە بېرىدىغان مەڭگۈلۈك ھاياتىنى كۈتۈپ، خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ياشاڭلار. ئېتىقادىدا تەۋرىنىۋاتقانلارغا رەھىم قىلىڭلار. بەزى كىشىلەرنى خۇددى ئوتتىن قۇتۇلدۇرغاندەك، خۇدانىڭ جازاسىدىن قۇتۇلدۇرۇۋېلىڭلار. يەنە بەزىلەرگە رەھىم قىلىڭلار. بىراق، سىلەر خۇددى بىر ئادەمنىڭ بۇلغانغان كىيىمىدىن يىرگەنگەندەك، ئۇلارنىڭ قىلغان گۇناھلىرىدىن ھەم يىرگىنىڭلار. مەزكۇر كىتاب ئەيسا مەسىھنىڭ ۋەھىيسىدۇر. خۇدا يېقىن كەلگۈسىدە يۈز بېرىشى مۇقەررەر بولغان ۋەقەلەرنى ئۆز خىزمەتكارلىرىغا كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھكە بۇ ۋەھىينى چۈشۈردى. مەسىھ بۇنى ئۆز پەرىشتىسى ئارقىلىق خىزمەتكارى يۇھانناغا ئايان قىلدى. يۇھاننا خۇدانىڭ سۆزى - ئەيسا مەسىھ بەرگەن گۇۋاھلىققا، كۆرگەنلىرىنىڭ ھەممىسىگە گۇۋاھلىق بەردى. بۇ ۋەھىيلەرنى ئوقۇپ بەرگەن ۋە ئۇنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلغانلار نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، بۇ ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغان ۋاقتى يېقىندۇر. مەنكى يۇھاننادىن ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى يەتتە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە سالام! ھازىر ۋە ئەزەلدىن بار بولغان ھەم كەلگۈسىدە كەلگۈچىدىن، ئۇنىڭ تەختىنىڭ ئالدىدىكى يەتتە روھتىن، سادىق گۇۋاھچى، ئۆلۈمدىن تۇنجى تىرىلگۈچى، دۇنيا پادىشاھلىرىنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق بولغاي. ئۇ بىزنى سۆيدى، ئۆز قېنى بىلەن بىزنى گۇناھلىرىمىزدىن ئازاد قىلدى، بىزنى بىر پادىشاھلىق قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۆز ئاتىسى خۇدانىڭ خىزمىتىدىكى روھانىي قىلدى. بارلىق شان-شەرەپ ۋە كۈچ-قۇدرەت ئۇنىڭغا مەڭگۈ مەنسۇپ بولغاي، ئامىن! مانا، ئۇ بۇلۇتلار ئۈستىدە كەلمەكتە. ھەممە كۆزلەر، ھەتتا ئۇنىڭ تېنىنى نەيزىلىگەنلەرمۇ ئۇنى كۆرىدۇ. يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل خەلقلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ھازا تۇتىدۇ. بۇ ئىش جەزمەن بولىدۇ، ئامىن! پەرۋەردىگار خۇدا دەيدۇكى: «باش ۋە ئاخىر ئۆزۈمدۇرمەن. ھازىر ۋە ئەزەلدىن بار بولغان ھەم مەڭگۈ بار بولغۇچىمەن، شۇنداقلا ھەممىگە قادىردۇرمەن.» مەن قېرىندىشىڭلار يۇھاننامەن. بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەتكە، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ۋە سەۋر-تاقەتكە ئورتاقمىز. خۇدانىڭ سۆزى ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ قىلغان گۇۋاھلىقىنى تارقاتقانلىقىم ئۈچۈن، بىر مەزگىل پاتموس ئارىلىدا مەھبۇس بولۇپ تۇرۇپ قالغاندىم. رەببىمىزنىڭ كۈنىدە مۇقەددەس روھنىڭ مېنى ئىلكىگە ئېلىشى بىلەن، كەينىمدىن كەلگەن كاناي ئاۋازىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئۈنلۈك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. بۇ ئاۋاز: «كۆرىدىغانلىرىڭنى كىتاب قىلىپ ياز ۋە ئۇنى يەتتە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە، يەنى ئەفەس، ئىزمىر، پەرگاما، تىياتىرا، ساردىس، فىلادېلفىيە ۋە لائودىكىيا شەھەرلىرىگە ئەۋەت» دېگەنىدى. ماڭا سۆزلىگۈچىنى كۆرۈش ئۈچۈن كەينىمگە بۇرۇلدۇم. بۇرۇلغىنىمدا، كۆزۈمگە يەتتە ئالتۇن چىراغدان ۋە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇچىسىدىكى تونى ئوشۇقىغىچە چۈشۈپ تۇرىدىغان، كۆكسىگە ئالتۇن كەمەر باغلىغان ئىنسانئوغلىغا ئوخشايدىغان بىرى كۆرۈندى. ئۇنىڭ چېچى ئاق يۇڭ ۋە قاردەك ئاپئاق ئىدى. كۆزلىرى گويا يالقۇنلاپ تۇرغان ئوتتەك ئىدى. پۇتلىرى ئوچاقتا تاۋلىنىپ پارقىرىغان تۇچقا ئوخشايتتى، ئاۋازى شارقىراپ ئېقىۋاتقان سۇنىڭ شاۋقۇنىدەك ئىدى. ئۇ ئوڭ قولىدا يەتتە يۇلتۇز تۇتقان بولۇپ، ئاغزىدىن ئىككى بىسلىق ئۆتكۈر بىر قىلىچ چىقىپ تۇراتتى. چىرايى خۇددى چىڭقى چۈش ۋاقتىدىكى قۇياشتەك پارلاق ئىدى. ئۇنى كۆرگىنىمدە، ئايىغىغا ئۆلۈكتەك يىقىلدىم. ئۇ ئوڭ قولىنى ئۇچامغا قويۇپ مۇنداق دېدى: - قورقما، تۇنجى ۋە ئاخىرقى مەن بولىمەن. ھايات بولغۇچى ئۆزۈمدۇرمەن. مەن ئۆلگەنىدىم، لېكىن ئەمدى مەڭگۈ ھايات ياشايمەن. ئۆلۈم ۋە ئۆلۈكلەر دىيارىنىڭ ئاچقۇچى مېنىڭ قولۇمدا. شۇنىڭ ئۈچۈن، كۆرگەنلىرىڭنى، يەنى ھازىر بولۇۋاتقان ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى يېزىپ قالدۇر. يەتتە ئالتۇن چىراغدان ۋە سەن ئوڭ قولۇمدا كۆرگەن يەتتە يۇلتۇزنىڭ سىرىغا كەلسەك، يەتتە يۇلتۇز يەتتە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ پەرىشتىلىرى. يەتتە چىراغدان بولسا يەتتە جامائەتچىلىكتۇر. - ئەفەستىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ پەرىشتىسىگە مۇنداق ياز:«ئوڭ قولىدا يەتتە يۇلتۇزنى تۇتۇپ، يەتتە ئالتۇن چىراغداننىڭ ئوتتۇرىسىدا ماڭغۇچى مۇنداق دەيدۇ: سېنىڭ ئەمەلىيىتىڭنى، تىرىشچانلىقىڭنى، سەۋر-تاقىتىڭنى بىلىمەن. رەزىل ئادەملەرنىڭ قىلمىشلىرىغا چىداپ تۇرالمايدىغانلىقىڭنى، ئەلچى بولمىسىمۇ ئۆزلىرىنى ئەلچى، دەپ ئاتىۋالغانلارنى سىناپ، ئۇلارنىڭ ساختىلىقىنى تونۇغانلىقىڭنىمۇ بىلىمەن. شۇنداق، سەن سەۋر-تاقەت قىلدىڭ، ماڭا ئېتىقاد قىلغانلىقىڭ سەۋەبلىك كېلىپ چىققان جاپا-مۇشەققەتكە بەرداشلىق بەردىڭ ۋە ھارمىدىڭ. لېكىن ساڭا بىر ئېتىرازىم باركى، ئۇ بولسىمۇ مېھىر-مۇھەببىتىڭ دەسلەپكىدىن سۇسلاشتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، قانچىلىك ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىڭغا نەزەر سال! توۋا قىل ۋە دەسلەپكى ئەمەلىيىتىڭنى ئەسلىگە كەلتۈر. ئەگەر توۋا قىلمىساڭ، مەن كېلىپ چىراغدىنىڭنى ئورنىدىن ئېلىپ كېتىمەن. بىراق، سېنىڭ بىر ئارتۇقچىلىقىڭ باركى، ئۇ بولسىمۇ، سەنمۇ ماڭا ئوخشاش نىكولاس تەرەپدارلىرىنىڭ قىلمىشلىرىدىن نەپرەتلەندىڭ. مۇقەددەس روھنىڭ جامائەتچىلىكلەرگە دېگەنلىرىنى قۇلىقىڭدا چىڭ تۇت! غەلىبە قىلغۇچىلارغا خۇدانىڭ جەننىتىدىكى ھاياتلىق دەرىخىنىڭ مېۋىلىرىنى يېيىش ھوقۇقىنى بېرىمەن.» - ئىزمىردىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ پەرىشتىسىگە مۇنداق ياز:«تۇنجى ۋە ئاخىرقى، ئۆلۈپ تىرىلگۈچى مۇنداق دەيدۇ: سېنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىڭنى ۋە نامراتلىقىڭنى بىلىمەن، لېكىن ئەمەلىيەتتە سەن باي. ئۆزلىرىنى يەھۇدىي دەۋالغانلارنىڭ تۆھمەتلىرىنى بىلىمەن. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار يەھۇدىي ئەمەس، بەلكى شەيتاننىڭ گۇرۇھىدىكىلەردۇر. كەلگۈسىدە چېكىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن قورقما. بىلىپ قويغىنكى، شەيتان ئاراڭلاردىن بەزىلەرنى يېقىندا زىندانغا تاشلىتىپ سىنىماقچى. سىلەر ئون كۈنگىچە قىينىلىسىلەر. تاكى ئۆلگۈچە ماڭا سادىق بول. شۇ چاغدا، مەن ساڭا ھاياتلىق تاجىنى كىيدۈرىمەن. مۇقەددەس روھنىڭ جامائەتچىلىكلەرگە دېگەنلىرىنى قۇلىقىڭدا چىڭ تۇت. غەلىبە قىلغۇچىلار ئىككىنچى ئۆلۈمنىڭ زىيىنىغا ھەرگىز ئۇچرىمايدۇ.» - پەرگامادىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ پەرىشتىسىگە مۇنداق ياز:«ئىككى بىسلىق ئۆتكۈر قىلىچى بار بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: سېنىڭ شەيتاننىڭ تەختى ئورۇنلاشقان يەردە تۇرىدىغانلىقىڭنى بىلىمەن. شۇنداقتىمۇ، سەن مېنىڭ نامىمغا سادىق بولۇپ كەلدىڭ. ھەتتا ئاراڭدىكى ئىشەنچلىك گۇۋاھچىم ئانتىپا مۇشۇ شەيتاننىڭ ماكانىدا قەتل قىلىنغان كۈنلەردىمۇ ماڭا ئېتىقاد قىلغانلىقىڭنى ئىنكار قىلمىدىڭ. لېكىن، ساڭا بىر ئېتىرازىم بار، ئۇ بولسىمۇ ئاراڭلاردا بىلئامنىڭ تەلىمىگە ئەگەشكەنلەر بولماقتا. بىلئام بالاق دېگەن ئادەمگە ئىسرائىللارنى بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى يېيىش ۋە جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلىشقا ئازدۇرۇشنى ئۆگەتكەنىدى. شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا نىكولاس تەرەپدارلىرىنىڭ تەلىمىگە ئەگەشكەنلەرمۇ بار. شۇنىڭ ئۈچۈن، توۋا قىل. ئۇنداق قىلمىساڭ، يېنىڭغا دەرھال بېرىپ، ئاغزىمدىكى قىلىچىم بىلەن ساڭا زەربە بېرىمەن. مۇقەددەس روھنىڭ جامائەتچىلىكلەرگە دېگەنلىرىنى قۇلىقىڭدا چىڭ تۇت. غەلىبە قىلغۇچىلارغا ساقلاقلىق ماننادىن بېرىمەن. ئۇلارغا يەنە بىردىن ئاق تاش ۋە بۇ تاشلارنىڭ ئۈستىگە يېزىلغان يېڭى بىر ئىسىمنى، يەنى بۇنى قوبۇل قىلغۇچىلاردىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان بىر ئىسىمنى بېرىمەن.» - تىياتىرادىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ پەرىشتىسىگە مۇنداق ياز:«خۇدانىڭ كۆزلىرى يالقۇنلىغان ئوتقا ۋە پۇتلىرى پارقىراق تۇچقا ئوخشايدىغان ئوغلى مۇنداق دەيدۇ: سېنىڭ ئەمەلىيىتىڭنى، مېھىر-مۇھەببىتىڭنى، ئېتىقادىڭنى، ئەجرىڭنى ۋە سەۋر-تاقىتىڭنى بىلىمەن. ھازىرقى ئەمەلىيىتىڭنىڭ دەسلەپكى ئەمەلىيىتىڭدىن ئېشىپ چۈشۈۋاتقانلىقىنىمۇ بىلىمەن. لېكىن، ساڭا بىر ئېتىرازىم بار، ئۇ بولسىمۇ ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ تونۇشتۇرغان ئىزابېل ئىسىملىك خوتۇنغا يول قويۇۋاتىسەن. بۇ خوتۇن خەلقىمگە تەلىم بېرىپ، ئۇلارنى جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلىشقا ۋە بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى يېيىشكە ئازدۇرماقتا. مەن ئۇنىڭ توۋا قىلىشى ئۈچۈن پۇرسەت بەرگەنىدىم، لېكىن ئۇ جىنسىي ئەخلاقسىزلىقىغا توۋا قىلىشنى خالىمىدى. ئەمدى ئۇنى ئېغىر كېسەل قىلىپ ياتقۇزۇۋېتىمەن. ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلغانلار قىلمىشلىرىغا توۋا قىلمىسا، ئۇلارنىمۇ ئېغىر ئازابقا مۇپتىلا قىلىمەن. ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئەجەللىك كېسەل بىلەن ھالاك قىلىمەن. ئۇ چاغدا، پۈتكۈل ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرىگە كىشىلەرنىڭ ئوي-پىكرى ۋە قەلبىنى ياخشى بىلگۈچىنىڭ ئۆزۈم ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرىمەن ھەمدە ھەربىرىڭلارغا قىلغان ئەمەلىيىتىڭلارغا يارىشا ياندۇرىمەن. كىم غەلىبە قىلسا، يەنى ئەمرلىرىمگە ئاخىرغىچە ئەمەل قىلسا، ئۇنىڭغا پۈتكۈل خەلقلەرگە ھاكىم بولۇش ھوقۇقىنى بېرىمەن. مانا بۇ، ئاتام ماڭا بەرگەن ھوقۇققا ئوخشاش ھوقۇقتۇر. زەبۇردا يېزىلغاندەك: «ئۇ ئۇلارنى تۆمۈر كالتەك بىلەن باشقۇرۇپ، ساپال قاچىلارنى ئۇرۇپ چاققاندەك تارمار قىلىدۇ.» غەلىبە قىلغۇچىلارغا يەنە تاڭ يۇلتۇزىنى ئاتا قىلىمەن. مۇقەددەس روھنىڭ جامائەتچىلىكلەرگە دېگەنلىرىنى قۇلىقىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار!» - ساردىستىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ پەرىشتىسىگە مۇنداق ياز:«خۇدانىڭ يەتتە روھىغا ۋە يەتتە يۇلتۇزغا ئىگە بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: سېنىڭ ئەمەلىيىتىڭنى بىلىمەن. ھايات جامائەتچىلىك، دەپ نام ئېلىپسەن، لېكىن ئۆلۈكسەن. شۇڭا، ئۇيقۇڭنى ئېچىپ، كىچىككىنە ھەم يوقاپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان ئېتىقادىڭنى كۈچەيت. چۈنكى، خۇدايىم ئالدىدا ئەمەلىيىتىڭنىڭ تېخى تۈگەل ئەمەسلىكىنى بىلدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاڭلىغان ۋە قوبۇل قىلغان تەلىملەرنى ئېسىڭدە تۇت. ئۇلارغا ئەمەل قىل، توۋا قىل. ئەگەر ئويغانمىساڭ، مېنىڭ كېلىشىم ساڭا خۇددى ئوغرىنىڭ كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا كەلگىنىدەك تۇيۇقسىز بىلىنىدۇ. مېنىڭ كېلىدىغان ۋاقىت-سائىتىمنى ھەرگىز بىلەلمەيسەن. لېكىن، ئاراڭلاردا ئۆزلىرىگە داغ تەگكۈزمىگەن يەنە بىرنەچچەيلەن بار. ئۇلار ئاق تون كىيىپ، مەن بىلەن بىللە يۈرىدۇ. چۈنكى، ئۇلار بۇنىڭغا لايىقتۇر. غەلىبە قىلغۇچىلار مانا شۇنداق ئاق تون كىيىدۇ. ئۇلارنىڭ نامىنى ھاياتلىق دەپتىرىدىن ھەرگىز ئۆچۈرمەيمەن. ئۇلارنىڭ نامىنى ئاتام خۇدانىڭ ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئالدىدا ئوچۇق ئېتىراپ قىلىمەن. مۇقەددەس روھنىڭ جامائەتچىلىكلەرگە دېگەنلىرىنى قۇلىقىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار!» - فىلادېلفىيىدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ پەرىشتىسىگە مۇنداق ياز:«مۇقەددەس ۋە ئىشەنچلىك، قولىدا داۋۇتنىڭ ئاچقۇچى بولغان، ئىشىكنى ئاچسام ھېچكىم ياپالمايدۇ، ياپسام ھېچكىم ئاچالمايدۇ دېگۈچى مۇنداق دەيدۇ: سېنىڭ ئەمەلىيىتىڭنى بىلىمەن. كۈچۈڭ ئاجىز بولسىمۇ، تەلىمىمگە ئەمەل قىلدىڭ ۋە نامىمنى ئىنكار قىلمىدىڭ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئالدىڭدا ھېچكىم ياپالمايدىغان بىر ئىشىكنى ئېچىپ قويدۇم. قارا، شەيتان گۇرۇھىدىكىلەرگە، ئۆزلىرىنى يەھۇدىي دەپ ئاتىۋالغان، ئەمەلىيەتتە يەھۇدىي ئەمەس ئالدامچىلارنى شۇنداق ئاقىۋەتكە قالدۇرىمەنكى، ئۇلار كېلىپ سېنىڭ ئايىغىڭغا يىقىلىدۇ ۋە مېنىڭ سېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى كۆرىدۇ. بەرداشلىق بېرىش ھەققىدىكى ئەمرىمگە ئەمەل قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، بۇ دۇنيادىكى ئىنسانلارنى سىناش مەقسىتىدە پۈتۈن يەر يۈزىگە بالايىئاپەت چۈشۈرۈلىدىغان ۋاقىتتا سېنى ئۇنىڭدىن قوغداپ قالىمەن. تۇيۇقسىز كېلىمەن. تاجىڭنى باشقىلارنىڭ تارتىۋالماسلىقى ئۈچۈن، ئۆزۈڭدە بار بولغاننى چىڭ ساقلا. غەلىبە قىلغۇچىنى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا تۈۋرۈك قىلىمەن. بۇنداق ئادەم ئۇ يەردىن ئەسلا كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا خۇدايىمنىڭ نامىنى، خۇدايىمنىڭ شەھىرىنىڭ نامىنى، يەنى ئەرشتىن - خۇدانىڭ يېنىدىن چۈشىدىغان يېڭى يېرۇسالېمنىڭ نامىنى ۋە مېنىڭ يېڭى نامىمنى يازىمەن. مۇقەددەس روھنىڭ جامائەتچىلىكلەرگە دېگەنلىرىنى قۇلىقىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار!» - لائودىكىيادىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ پەرىشتىسىگە مۇنداق ياز:«ئامىن ئاتالغۇچى، يەنى سادىق ۋە ئىشەنچلىك گۇۋاھچى، خۇدا ياراتقان مەۋجۇداتلارنىڭ مەنبەسى مۇنداق دەيدۇ: سېنىڭ ئەمەلىيىتىڭنى بىلىمەن. سەن ئېتىقادتا سوغۇقمۇ ئەمەس، قىزغىنمۇ ئەمەس. يا سوغۇق، يا قىزغىن بولساڭچۇ كاشكى. سەن يا سوغۇق يا قىزغىن ئەمەس، بەلكى ئىلمان سۇدەك بولغانلىقىڭ ئۈچۈن، سېنى ئاغزىمدىن تۈكۈرۈپ چىقىرىۋېتىمەن. بايمەن، باياشاتلىقتا ياشاۋاتىمەن، ھېچ نەرسىگە ھاجەت ئەمەسمەن دەيسەن. لېكىن، بىچارە، ئېچىنىشلىق، نامرات، كور ۋە يالىڭاچ ئىكەنلىكىڭنى بىلمەيسەن. شۇڭا، باي بولۇشۇڭ ئۈچۈن ئوت بىلەن تاۋلانغان ئالتۇن، يالىڭاچلىق ئەيىبىڭنى يېپىشىڭ ئۈچۈن كىيىدىغان ئاق كىيىم-كېچەك، كۆرۈشۈڭ ئۈچۈن كۆزلىرىڭگە سۈرتىدىغان مەلھەملەرنى مەندىن سېتىۋېلىشىڭنى تەۋسىيە قىلىمەن. مەن ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەيىبىنى كۆرسىتىپ تەربىيىلەيمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، قىزغىن بولۇپ، گۇناھلىرىڭغا توۋا قىل. قارا، مەن ھازىر ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ، ئىشىكنى قېقىۋاتىمەن. ئەگەر بىرى ئاۋازىمنى ئاڭلاپ ئىشىكنى ئاچسا، ئۇنىڭ يېنىغا كىرىمەن. مەن ئۇنىڭ بىلەن، ئۇمۇ مەن بىلەن بىللە غىزالىنىدۇ. مەن غەلىبە قىلىپ، ئاتامنىڭ تەختىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇردۇم. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەنمۇ غەلىبە قىلغۇچىلارغا تەختىمدە مەن بىلەن بىرگە ئولتۇرۇش ھوقۇقىنى بېرىمەن. مۇقەددەس روھنىڭ جامائەتچىلىكلەرگە دېگەنلىرىنى قۇلىقىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار!» ئاندىن، ئاسماندا ئوچۇق بىر ئىشىكنى كۆردۈم. مەن بۇرۇن ئاڭلىغان كاناي ئاۋازىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئاۋاز: «بۇ ياققا چىق، ساڭا بۇنىڭدىن كېيىن يۈز بېرىشى مۇقەررەر بولغان ۋەقەلەرنى كۆرسىتەي» دېدى. مۇقەددەس روھنىڭ مېنى دەرھال ئىلكىگە ئېلىشى بىلەن ئەرشتە بىر تەخت ۋە ئۇنىڭدا ئولتۇرغان بىرىنى كۆردۈم. تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ قىياپىتى يېشىل قاشتاش ۋە قىزىل كۋارتسقا ئوخشايتتى. زۇمرەتنى ئەسلىتىدىغان بىر ھەسەن-ھۈسەن تەختنى ئوراپ تۇراتتى. تەختنىڭ ئەتراپىدا يەنە يىگىرمە تۆت تەخت بار ئىدى. تەختلەردە باشلىرىغا ئالتۇن تاج كىيگەن، ئاق تونغا ئورانغان يىگىرمە تۆت يېتەكچى ئولتۇراتتى. تەختتىن چاقماقلار چېقىپ، گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈر-قاراسلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. تەختنىڭ ئالدىدا يالقۇنلاپ تۇرغان يەتتە مەشئەل بار ئىدى. بۇلار خۇدانىڭ يەتتە روھى ئىدى. تەختنىڭ ئالدىدا يەنە خۇددى خرۇستالدەك پارقىراپ تۇرىدىغان، ئەينەكتەك سۈزۈك دېڭىزغا ئوخشايدىغان بىر نەرسە بار ئىدى. تەختنىڭ ھەربىر تەرىپىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا ئالدى ۋە كەينىدە نۇرغۇن كۆزلىرى بار تۆت تىرىك مەخلۇق تۇراتتى. بىرىنچى مەخلۇق شىرغا، ئىككىنچى مەخلۇق بۇقىغا ئوخشايتتى. ئۈچىنچى مەخلۇقنىڭ يۈزى ئادەمنىڭ چىرايىغا ئوخشايتتى. تۆتىنچى مەخلۇق ئۇچۇۋاتقان بۈركۈتكە ئوخشايتتى. تۆت تىرىك مەخلۇقنىڭ ھەربىرىنىڭ ئالتىدىن قانىتى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ پۈتۈن بەدىنى، ھەتتا قانات ئاستىمۇ كۆزلەر بىلەن تولغانىدى. ئۇلار كېچە-كۈندۈز تىنماي مۇنداق دېيىشەتتى: «مۇقەددەس، مۇقەددەس، مۇقەددەستۇر، ئەزەلدىن بار بولغان، ھازىرمۇ بار ھەم كەلگۈسىدە كەلگۈچى ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا!» تىرىك مەخلۇقلار تەختتە ئولتۇرغان ئەبەدىلئەبەد ھايات بولغۇچىنى ئۇلۇغلاپ، ئۇنىڭغا ھۆرمەت ۋە تەشەككۈر ئىزھار قىلغىنىدا، يىگىرمە تۆت يېتەكچى ئەبەدىلئەبەد ياشايدىغان تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ ئايىغىغا باش قويۇپ سەجدە قىلاتتى. تاجلىرىنى تەختنىڭ ئالدىغا قويۇشۇپ، مۇنداق دېيىشەتتى: «پەرۋەردىگارىمىز ۋە خۇدايىمىز! شان-شەرەپ، ھۆرمەت ۋە قۇدرەتكە لايىقسەن. چۈنكى، ھەممىنى سەن ياراتتىڭ. ھەممە شەيئى خاھىشىڭ بىلەن يارىتىلىپ ۋۇجۇدقا كەلدى.» ئاندىن تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ ئوڭ قولىدا ھەر ئىككى يۈزىگە خەت يېزىلغان ۋە يەتتە مۆھۈر بىلەن پېچەتلەنگەن بىر ئورام يازمىنى كۆردۈم. يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «ئورام يازما ۋە پېچەتلەرنى ئېچىشقا كىم لايىقتۇر؟» دەپ توۋلىغان كۈچلۈك بىر پەرىشتىنىمۇ كۆردۈم. لېكىن، نە ئەرشتە، نە يەر يۈزىدە، نە يەر ئاستىدا ئورام يازمىنى ئېچىپ ئوقۇيالايدىغان بىرەرسى چىقمىدى. ئورام يازمىنى ئېچىش ۋە ئوقۇشقا لايىق بىرەرسى چىقمىغاچقا، قاتتىق يىغلىۋەتتىم. بۇنىڭ بىلەن، يېتەكچىلەردىن بىرى ماڭا: - يىغلىما! قارا، يەھۇدا قەبىلىسىدىن كەلگەن شىر - داۋۇتنىڭ نوتىسى غەلىبە قىلدى. ئورام يازمىنى ۋە ئۇنىڭ يەتتە پېچىتىنى ئېچىشقا ئۇ قادىر، - دېدى. ئاندىن، بىر قوزىنىڭ يېتەكچىلەر قورشاپ تۇرغان تەخت بىلەن تىرىك مەخلۇقلارنىڭ ئارىلىقىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. قارىماققا، ئۇ بۇرۇن بوغۇزلانغاندەك قىلاتتى. قوزىنىڭ يەتتە مۈڭگۈزى ۋە يەتتە كۆزى بار بولۇپ، بۇ كۆزلەر خۇدانىڭ پۈتكۈل دۇنىياغا ئەۋەتكەن يەتتە روھى ئىدى. قوزا بېرىپ، تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ ئوڭ قولىدىن ئورام يازمىنى ئالدى. يازمىنى ئالغاندا، تۆت تىرىك مەخلۇق ۋە يىگىرمە تۆت يېتەكچى ئۇنىڭ ئايىغىغا باش قويدى. ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ قولىدا چىلتار ۋە ئىسرىق بىلەن تولغان ئالتۇن تاۋاق بار ئىدى. بۇ ئىسرىق خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىنىڭ دۇئالىرى ئىدى. ئۇلار يېڭى بىر قوشاق ئېيتىشتى: «ئورام يازمىنى ئېلىشقا ۋە پېچەتلەرنى ئېچىشقا لايىقسەن. چۈنكى بوغۇزلاندىڭ ۋە ھەر قەبىلىدىن، ھەر تىلدىن، ھەر مىللەتتىن، ھەر خەلقتىن بولغان ئىنسانلارنى ئۆز قېنىڭ بەدىلى بىلەن خۇداغا مەنسۇپ قىلدىڭ. ئۇلارنى بىر پادىشاھلىق قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇپ، خۇدايىمىزنىڭ خىزمىتىدىكى روھانىي قىلدىڭ. ئۇلار يەر يۈزىدە ھۆكۈم سۈرگۈسى.» ئاندىن، تەختنىڭ، تىرىك مەخلۇقلارنىڭ ۋە يېتەكچىلەرنىڭ ئەتراپىدا مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان پەرىشتىلەرنى كۆردۈم ۋە ئۇلارنىڭ ئاۋازلىرىنى ئاڭلىدىم. ئۇلار ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېيىشەتتى: «بوغۇزلانغان قوزا قۇدرەت، بايلىق، دانالىق، كۈچ-قۇۋۋەت، ھۆرمەت، شان-شەرەپ ۋە مەدھىيىگە لايىقتۇر.» مەن يەنە ئەرش، يەر يۈزى، يەر ئاستى، دېڭىزلار ۋە كائىناتتىكى پۈتۈن جانلىقلارنىڭ: «مەدھىيە، ھۆرمەت، شان-شەرەپ ۋە قۇدرەت، تەختتە ئولتۇرغۇچىغا ۋە قوزىغا مەڭگۈ مەنسۇپ بولسۇن!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. تۆت تىرىك مەخلۇق «ئامىن!» دەپ جاۋاب قايتۇراتتى، يېتەكچىلەر يەرگە باش قويۇپ، تەختتە ئولتۇرغۇچىغا ۋە قوزىغا سەجدە قىلاتتى. ئاندىن، قوزىنىڭ يەتتە پېچەتنىڭ بىرىنچىسىنى ئاچقانلىقىنى كۆردۈم. شۇ چاغدا، تۆت تىرىك مەخلۇقتىن بىرىنىڭ گۈلدۈرمامىدەك ئاۋاز بىلەن: «كەل!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. قارىۋىدىم، بىر ئاق ئاتنى كۆردۈم. ئاتقا مىنگۈچىنىڭ قولىدا بىر ساداق بار ئىدى. ئۇنىڭغا بىر تاج بېرىلدى. ئۇ غەلىبە قىلغۇچى سۈپىتىدە زەپەر قۇچۇش ئۈچۈن جەڭگە ئاتلاندى. قوزا ئىككىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، ئىككىنچى مەخلۇقنىڭ: «كەل!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. ئۇ چاغدا، يەنە بىر ئات ئوتتۇرىغا چىقتى، ئۇنىڭ رەڭگى قىزىل ئىدى. ئاتقا مىنگۈچىگە يەر يۈزىدىكى تىنچلىقنى ئېلىپ كېتىش ۋە ئىنسانلارنى ئۆزئارا قىرغىنچىلىققا سېلىش ھوقۇقى بېرىلدى. ئۇنىڭغا يەنە چوڭ بىر قىلىچ بېرىلدى. قوزا ئۈچىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، ئۈچىنچى مەخلۇقنىڭ: «كەل!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. قارىۋىدىم، بىر قارا ئاتنى كۆردۈم. ئاتقا مىنگۈچىنىڭ قولىدا بىر تارازا بار ئىدى. تۆت تىرىك مەخلۇقنىڭ ئارىسىدىن: «بىر كۈنلۈك ئىش ھەققى ئۈچۈن پەقەت بىر تاۋاق بۇغداي ياكى بولمىسا ئۈچ تاۋاق ئارپىلا بېرىلىدۇ. زەيتۇن دەرىخى بىلەن ئۈزۈم تېلىغا تەگمە!» دېگەندەك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. قوزا تۆتىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، تۆتىنچى مەخلۇقنىڭ: «كەل!» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. قارىۋىدىم، بىر تاتىراڭ ئاتنى كۆردۈم. ئاتقا مىنگۈچىنىڭ ئىسمى «ئۆلۈم» ئىدى. ئۇنىڭ كەينىدىن ئۆلۈكلەر دىيارى ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى. بۇلارغا يەر يۈزىنىڭ تۆتتىن بىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، قىلىچ، ئاچارچىلىق، ۋابا ۋە يەر يۈزىدىكى يىرتقۇچ ھايۋانلار ئارقىلىق ئادەم ئۆلتۈرۈش ھوقۇقى بېرىلدى. قوزا بەشىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزگەنلىكى ۋە بەرگەن گۇۋاھلىقى ۋەجىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ جانلىرىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تېگىدە كۆردۈم. ئۇلار قاتتىق ئاۋاز بىلەن چۇقان سېلىشىپ: «مۇقەددەس ۋە ئىشەنچلىك ئىگىمىز! يەر يۈزىدە ياشاۋاتقان ئىنسانلارنى قاچان سوراق قىلىپ، ئۇلاردىن قېنىمىزنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىپ بېرىسەن؟» دېيىشەتتى. ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىردىن ئاق تون بېرىلگەن بولۇپ، خۇداغا خىزمەت قىلغان، ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئۆلتۈرۈلىدىغان ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىنىڭ سانى توشقۇچە ئازغىنە ۋاقىت كۈتۈشى تەلەپ قىلىنغانىدى. ئاندىن، قوزىنىڭ ئالتىنچى پېچەتنى ئاچقانلىقىنى كۆردۈم. بۇ ۋاقىتتا، زېمىن قاتتىق تەۋرىنىپ، قۇياش بەئەينى قاپقارا كۆمۈرنىڭ، ئاي بولسا قاننىڭ رەڭگىگە كىردى. ئەنجۈر دەرىخىنىڭ قاتتىق بوراندا سىلكىنىشىدىن توڭ ئەنجۈرلەر يەرگە تۆكۈلگەندەك، ئاسماندىكى يۇلتۇزلارمۇ يەر يۈزىگە تۆكۈلدى. ئاسمان خۇددى ئورام يازمىدەك ئورىلىپ غايىب بولدى، پۈتكۈل تاغلار ۋە ئاراللار ئورنىدىن يۆتكەلدى. دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى، ھۆكۈمرانلىرى، سەردارلىرى، بايلىرى، ھوقۇقدارلىرى، قۇللىرى ۋە ھۆرلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆڭكۈرلەرگە ۋە تاغلارنىڭ كامارلىرىغا يوشۇرۇندى. ئۇلار تاغ-داۋانلارغا مۇنداق دەپ جار سالدى: «ئۈستىمىزگە چۈشۈڭلار! بىزنى تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ سىيماسىدىن ۋە قوزىنىڭ غەزىپىدىن توسۇپ قېلىڭلار! چۈنكى، ئۇلارنىڭ غەزىپى تۇتقان دەھشەتلىك كۈن كەلدى. ئۇنىڭغا كىممۇ بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟» ئۇنىڭدىن كېيىن، يەر يۈزىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدا تۇرغان تۆت پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇلار قۇرۇقلۇق، دېڭىز ھەم دەل-دەرەخلەرنى بوران ئۇرماسلىقى ئۈچۈن، يەر يۈزىنىڭ تۆت تەرىپىدىن كېلىدىغان بوراننى تىزگىنلەپ تۇراتتى. مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ مۆھرىنى ئېلىپ كۈنچىقىشتىن كەلگەن باشقا بىر پەرىشتىنىمۇ كۆردۈم. ئۇ قاتتىق ئاۋاز بىلەن قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزلارنى بۇزۇپ تاشلاش ھوقۇقى بېرىلگەن ئاشۇ تۆت پەرىشتىگە: «بىز خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ پېشانىسىگە مۆھۈر باسقۇچە، قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە دەل-دەرەخلەرنى بۇزۇپ تاشلىماڭلار» دەپ ۋارقىرىدى. ئاندىن، مەن مۆھۈرلەنگەنلەرنىڭ سانىنى ئاڭلىدىم. ئىسرائىللارنىڭ پۈتۈن قەبىلىلىرىدىن 000،144 كىشى، يەنى: يەھۇدا قەبىلىسىدىن 000،12 كىشى، رۇبېن قەبىلىسىدىن 000،12 كىشى، گاد قەبىلىسىدىن 000،12 كىشى، ئاشېر قەبىلىسىدىن 000،12 كىشى، نافتالى قەبىلىسىدىن 000،12 كىشى، ماناسسە قەبىلىسىدىن 000،12 كىشى، شىمون قەبىلىسىدىن 000،12 كىشى، لاۋىي قەبىلىسىدىن 000،12 كىشى، ئىسساكار قەبىلىسىدىن 12000 كىشى، زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن 000،12 كىشى، يۈسۈپ قەبىلىسىدىن 000،12 كىشى، بىنيامىن قەبىلىسىدىن 000،12 كىشى مۆھۈرلەنگەنىدى. ئاندىن، ھەر خەلق، ھەر قەبىلە، ھەر مىللەتتىن بولغان، ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان ساناپ تۈگەتكۈسىز زور بىر توپ خالايىقنىڭ تەختنىڭ ۋە قوزىنىڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاق تون كىيگەن بولۇپ، قوللىرىدا خورما شاخلىرى تۇتقانىدى. ئۇلار ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن: «نىجاتلىق تەختتە ئولتۇرغان خۇدايىمىزدىن ۋە قوزىدىن كېلىدۇ» دەپ ۋارقىرىشاتتى. پۈتۈن پەرىشتىلەر تەختنىڭ، يېتەكچىلەرنىڭ ۋە تۆت تىرىك مەخلۇقنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋالغانىدى. ئۇلار تەختنىڭ ئالدىدا يەرگە باش قويۇپ، خۇداغا سەجدە قىلىپ مۇنداق دېيىشەتتى: «ئامىن! مەدھىيە، شان-شەرەپ، دانالىق ۋە تەشەككۈر، ھۆرمەت ۋە كۈچ-قۇدرەت خۇدايىمىزغا مەڭگۈ مەنسۇپ بولسۇن. ئامىن!» شۇ چاغدا، يېتەكچىلەردىن بىرى مەندىن: - ئاق تون كىيگەن بۇ كىشىلەر كىم بولىدۇ، قەيەردىن كەلدى؟ - دەپ سورىدى. - تەقسىر، مەن بىلمەيمەن، بۇ ئۆزلىرىگە مەلۇمدۇر، - دېدىم. ئۇ ماڭا: - بۇلار دەھشەتلىك بالايىئاپەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ كەلگەنلەردۇر. ئۇلار تونلىرىنى قوزىنىڭ قېنىدا يۇيۇپ، ئاپئاق قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا كېچە-كۈندۈز ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ. تەختتە ئولتۇرغۇچى خۇدا ئۇلارغا سايىۋەندۇر. ئۇلار ئەمدى ئاچ قالمايدۇ، ئۇسسىمايدۇ، ئۇلارغا نە ئاپتاپ، نە قاتتىق ئىسسىق ئۆتمەيدۇ. چۈنكى، ئۇلارنى تەختنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قوزا باقىدۇ ۋە ھاياتلىق سۈيىنىڭ بۇلاقلىرىغا ئېلىپ بارىدۇ. خۇدا ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىكى پۈتۈن ياشلارنى سۈرتىدۇ، - دېدى. قوزا يەتتىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، ئەرشتە يېرىم سائەتچە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى. ئاندىن، خۇدانىڭ ئالدىدا تۇرغان يەتتە پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇلارغا يەتتە كاناي بېرىلدى. ئالتۇن ئىسرىقدان تۇتقان يەنە بىر پەرىشتە كېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىدا تۇردى. تەختنىڭ ئالدىدىكى ئالتۇن قۇربانلىق سۇپىسىدا خۇدانىڭ بارلىق مۇقەددەس خەلقىنىڭ دۇئالىرى بىلەن بىللە ئاتاش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا كۆپ ئىسرىق بېرىلدى. ئىسرىقتىن چىققان تۈتۈنلەر بىلەن مۇقەددەس خەلقنىڭ دۇئالىرى پەرىشتىنىڭ قولىدىن خۇدانىڭ ئالدىغا كۆتۈرۈلدى. ئاندىن، پەرىشتە ئىسرىقداننى قولىغا ئېلىپ، ئۇنى قۇربانلىق سۇپىسىدىكى ئوت بىلەن تولدۇرۇپ، يەر يۈزىگە ئاتتى. ئۇ چاغدا، گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈر-قاراسلىرى ئاڭلاندى. چاقماقلار چېقىپ، يەر-زېمىن تەۋرەندى. ئاندىن كېيىن، قوللىرىغا بىردىن كاناي تۇتقان يەتتە پەرىشتە كانايلىرىنى چېلىشقا ھازىرلاندى. بىرىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالغاندا، مۆلدۈر بىلەن ئوت قانغا ئارىلاشقان ھالدا ياغدۇرۇلدى. زېمىننىڭ ئۈچتىن بىرى، دەل-دەرەخلەرنىڭ ئۈچتىن بىرى ۋە پۈتكۈل يېشىل ئوت-چۆپلەر كۆيۈپ كەتتى. ئىككىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالغاندا، گويا لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان چوڭ بىر تاغدەك غايەت زور بىر جىسىم دېڭىزغا تاشلاندى. دېڭىزنىڭ ئۈچتىن بىرى قانغا ئايلاندى. دېڭىزدىكى جانىۋارلارنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆلدى ۋە كېمىلەرنىڭ ئۈچتىن بىرى ۋەيران بولدى. ئۈچىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالغاندا، ئاسماندىن مەشئەلدەك يالقۇنلاپ يانغان چوڭ بىر يۇلتۇز دەريالارنىڭ ئۈچتىن بىرىنىڭ ۋە بۇلاقلارنىڭ ئۈستىگە چۈشتى. بۇ يۇلتۇزنىڭ ئىسمى «قېرىق» ئىدى. سۇلارنىڭ ئۈچتىن بىرى قېرىق بولۇپ كېتىپ، بۇ سۇنى ئىچكەن نۇرغۇن ئادەم ئۆلۈپ كەتتى. تۆتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالغاندا، قۇياشنىڭ، ئاينىڭ ۋە يۇلتۇزلارنىڭ ئۈچتىن بىرى زەربىگە ئۇچرىدى. نەتىجىدە، قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنىڭ يورۇقلۇقىنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆچتى. كۈندۈزنىڭ ئۈچتىن بىرى قاراڭغۇلۇققا ئايلاندى، كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرىدە يورۇقلۇق يوقالدى. يەنە قارىۋىدىم، ئاسماننىڭ قەرىدە ئۇچۇپ كېتىۋاتقان بىر بۈركۈتنىڭ قاتتىق ئاۋاز بىلەن: «باشقا ئۈچ پەرىشتە چالىدىغان كاناي ئاۋازلىرىنىڭ دەستىدىن يەر يۈزىدە ياشايدىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي، ھالىغا ۋاي، ھالىغا ۋاي!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. بەشىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالغاندا، ئاسماندىن يەرگە چۈشۈپ كەتكەن بىر يۇلتۇزنى كۆردۈم. تېگى يوق ھاڭغا بارىدىغان لەخمىنىڭ ئاچقۇچى ئۇنىڭغا بېرىلدى. ئۇ تېگى يوق ھاڭنى ئاچقاندا، ھاڭدىن يوغان ئوچاقنىڭ ئىسىدەك تۈتۈن ئېتىلىپ چىقتى. ھاڭنىڭ تۈتۈنىدىن قۇياش ۋە ئاسماننى قاراڭغۇلۇق باستى. تۈتۈننىڭ ئىچىدىن يەر يۈزىگە چېكەتكە ياغدى. ئۇلارغا چايانلاردەك چېقىش كۈچى بېرىلگەنىدى. چېكەتكىلەرگە يەر يۈزىدىكى ئوت-چۆپلەرگە ۋە ھەرقانداق ئۆسۈملۈك ياكى دەل-دەرەخلەرگە ئەمەس، پەقەت پېشانىسىدە خۇدانىڭ مۆھرى بولمىغان ئىنسانلارغىلا زىيان يەتكۈزۈش بۇيرۇلغانىدى. ئۇلارغا بۇ ئىنسانلارنى ئۆلتۈرۈش ئەمەس، پەقەت بەش ئاي مۇددەتلىك قىيىن-قىستاققا ئېلىش بۇيرۇقىلا بېرىلگەنىدى. بۇ قىيىن-قىستاق چايان ئادەمنى چاققان ۋاقىتتىكى قاتتىق ئاغرىق ئازابىغا ئوخشايتتى. ئۇ كۈنلەردە، ئىنسانلار ئۆلۈمنى ئىزدەيدۇ، لېكىن تاپالمايدۇ؛ ئۆلۈمنى سېغىنىدۇ، لېكىن ئۆلۈم ئۇلاردىن قاچىدۇ. چېكەتكىلەرنىڭ قىياپىتى خۇددى جەڭگە ھازىرلانغان ئاتلارغا ئوخشايتتى. باشلىرىدا بولسا ئالتۇن تاجغا ئوخشايدىغان بىر نەرسە بار ئىدى. چىرايى ئادەمنىڭكىگە ئوخشايتتى. چاچلىرى ئاياللارنىڭ چېچىغا، چىشلىرى شىرنىڭ چىشىغا ئوخشايتتى. كۆكرەكلىرى تۆمۈر ساۋۇتلارغا ئوخشايتتى. قاناتلىرىنىڭ ئاۋازى جەڭگە ئاتلانغان نۇرغۇن ئات-ھارۋىلارنىڭ ئاۋازىغا ئوخشايتتى. چايانلارنىڭكىگە ئوخشاش چاقىدىغان قۇيرۇقلىرى بار ئىدى. قۇيرۇقلىرىدىكى زەھەرلىك نەشتىرىدە ئادەمنى بەش ئاي ئازابقا سالغۇدەك كۈچ بار ئىدى. ئۇلارنى باشقۇرىدىغان پادىشاھ تېگى يوق ھاڭنىڭ پەرىشتىسى ئىدى. بۇ پەرىشتىنىڭ ئىبرانىيچە ئىسمى ئاۋاددون؛ گرېكچە ئىسمى ئاپولىيون، يەنى ھالاك قىلغۇچى ئىدى. بىرىنچى بالايىئاپەت ئۆتۈپ كەتتى. ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئىككى بالايىئاپەت كېلىدۇ. ئالتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالغاندا، خۇدانىڭ ئالدىدىكى ئالتۇن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت مۈڭگۈزىدىن چىققان بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. بۇ ئاۋاز ئالتىنچى پەرىشتىگە: «چوڭ فىرات دەرياسىنىڭ يېنىدا باغلاقلىق تۆت پەرىشتىنى بوشات» دېدى. دەل شۇ يىل، شۇ ئاي، شۇ كۈن ۋە شۇ سائەت ئۈچۈن ھازىرلاپ قويۇلغان بۇ تۆت پەرىشتە ئىنسانلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن باغلاقتىن بوشىتىلدى. بۇلارنىڭ ئاتلىق لەشكەرلىرىنىڭ سانى ئىككى يۈز مىليون ئىدى. ئۇلارنىڭ سانىنىڭ جاكارلانغانلىقىنى ئاڭلىدىم. غايىبانە ئالامەتتە كۆزۈمگە كۆرۈنگەن ئات ۋە ئاتلىقلار مانا مۇنداق ئىدى: ئاتلىقلارنىڭ كۆكرەك قالقانلىرى چوغدەك قىزىل، كۆك ياقۇتتەك كۆك ۋە گۈڭگۈرتتەك سېرىق ئىدى. ئاتلارنىڭ باشلىرى شىرنىڭ بېشىغا ئوخشايتتى. ئېغىزلىرىدىن ئوت، تۈتۈن ۋە گۈڭگۈرت پۈركۈلەتتى. ئىنسانلارنىڭ ئۈچتىن بىرى بۇلارنىڭ ئاغزىدىن پۈركۈلگەن ئوت، تۈتۈن ۋە گۈڭگۈرتتىن ئىبارەت بۇ ئۈچ ئاپەتتىن ئۆلدى. ئاتلارنىڭ كۈچى ئېغىزلىرىدا ۋە قۇيرۇقلىرىدا ئىدى. قۇيرۇقلىرىنىڭ يىلانغا ئوخشاش بېشى بولۇپ، بۇلار بىلەن ئادەمنى زەخىملەندۈرەتتى. قالغان ئىنسانلار، يەنى بۇ بالايىئاپەتلەردىن ئامان قالغۇچىلار ئۆز قىلمىشلىرىغا توۋا قىلمىدى. جىنلارغا، كۆرەلمەس، ئاڭلىيالماس ۋە ماڭالماس ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ ۋە ياغاچ بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن ۋاز كەچمىدى. ئۇلار قاتىللىق، سېھىرگەرلىك، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق ۋە ئوغرىلىقلىرىغىمۇ توۋا قىلمىدى. ئاندىن كېيىن، ئەرشتىن چۈشۈۋاتقان يەنە بىر كۈچلۈك پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇ بىر پارچە بۇلۇتنى يېپىنغان بولۇپ، بېشىنىڭ ئۈستىدە بىر ھەسەن-ھۈسەن بار ئىدى. يۈزى قۇياشقا، پۇتلىرى بولسا ئوت تۈۋرۈكىگە ئوخشايتتى. قولىدا بىر كىچىك ئوچۇق ئورام يازما بار ئىدى. ئۇ ئوڭ پۇتىنى دېڭىز ئۈستىگە، سول پۇتىنى بولسا قۇرۇقلۇققا قويۇپ تۇرۇپ، شىرنىڭ ھۆركىرىشىگە ئوخشاش قاتتىق ئاۋاز بىلەن ۋارقىرىدى. ئۇ ۋارقىرىغاندا، يەتتە گۈلدۈرماما ئۆز گۈلدۈر-قاراسلىرى بىلەن جاۋاب قايتۇردى. يەتتە گۈلدۈرماما جاۋاب قايتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى خاتىرىلىۋالماقچى بولۇپ تۇراتتىم. بىراق، ئاسماندىن: «يەتتە گۈلدۈرمامىنىڭ ئېيتقانلىرىنى خاتىرىلىمە. ئۇلارنى مەخپىي تۇت» دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. دېڭىز ھەم قۇرۇقلۇقنىڭ ئۈستىدە تۇرغان، مەن كۆرگەن ئۇ پەرىشتە ئوڭ قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ، ئاسمان، يەر، دېڭىز ۋە ئۇلاردىكى مەۋجۇداتلارنى ياراتقۇچى، يەنى ئەبەدىلئەبەد ياشىغۇچىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ: «ئەمدى كېچىكتۈرۈلمەيدۇ؛ ئەكسىچە، يەتتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالغاندا، خۇدا ئۆز خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلەرگە جاكارلىغان سىر ئەمەلگە ئاشىدۇ» دېدى. مەن ئاسماندىن ئاڭلىغان ئاۋاز ماڭا يەنە: «بېرىپ، دېڭىز ھەم قۇرۇقلۇقنىڭ ئۈستىدە تۇرغان پەرىشتىنىڭ قولىدىكى ئوچۇق ئورام يازمىنى ئال» دېدى. مەن بېرىپ، پەرىشتىنىڭ كىچىك ئورام يازمىنى ماڭا بېرىشىنى سورىدىم. ئۇ ماڭا: - بۇنى ئېلىپ يە! ئاغزىڭدا ھەسەلدەك تاتلىق بولىدۇ، بىراق مەيدەڭنى ئېچىشتۇرىدۇ، - دېدى. كىچىك ئورام يازمىنى پەرىشتىنىڭ قولىدىن ئېلىپ يېدىم، ئاغزىمدا ھەسەلدەك تاتلىق تېتىدى. لېكىن، ئۇنى يۇتقىنىمدا مەيدەم ئېچىشىپ كەتتى. كېيىن، پەرىشتە ماڭا: - سەن خۇدانىڭ كۆپ مىللەتلەر، خەلقلەر، ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان كىشىلەر ۋە پادىشاھلار توغرىسىدىكى ۋەھىيلىرىنى يەنە بىر قېتىم جاكارلىشىڭ لازىم، - دېدى. ماڭا ئۆلچىگۈچ ئورنىدا ئىشلىتىشكە قومۇش بېرىلدى ۋە بىر ئاۋاز ماڭا مۇنداق دېدى: «بېرىپ، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى ۋە قۇربانلىق سۇپىسىنى ئۆلچە، ئۇ يەردە ئىبادەت قىلىۋاتقانلارنى سانا. ئىبادەتخانىنىڭ تاشقىرىقى ھويلىسىنى ئۆلچىمەي قوي، چۈنكى ئۇ يەر يەھۇدىي ئەمەسلەرگە بېرىلدى. ئۇلار مۇقەددەس شەھەرنى 42 ئاي دەپسەندە قىلىدۇ. مەن ئىككى گۇۋاھچىمغا قۇدرەت بېرىمەن. ئۇلار قارىلىق كىيىم كىيىپ، خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى بېكىتىلگەن ئەنە شۇ 1260 كۈندە يەتكۈزىدۇ.» دۇنيانىڭ رەببى ئالدىدا تۇرغان ئىككى تۈپ زەيتۇن دەرىخى ۋە ئىككى چىراغدان مانا شۇ گۇۋاھچىلاردۇر. بىرەرسى ئۇلارنى زەخىملەندۈرمەكچى بولسا، ئۇلار ئېغىزلىرىدىن ئوت پۈركۈپ، ئۇ دۈشمەننى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ. ئۇلارنى زەخىملەندۈرمەكچى بولغانلار مانا شۇنداق ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئۇلار خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى جاكارلايدىغان كۈنلەردە يامغۇر ياغماسلىقى ئۈچۈن، ئاسماننى يېپىۋېتىش قۇدرىتىگە ئىگە. ئۇلار سۇلارنى قانغا ئايلاندۇرۇش ۋە ھەر خىل بالايىئاپەتلەر بىلەن يەر يۈزىگە خالىغان ۋاقىتتا زەربە بېرىش قۇدرىتىگىمۇ ئىگە. گۇۋاھلىق ۋەزىپىلىرى ئاياغلاشقاندا، تېگى يوق ھاڭدىن چىقىدىغان دىۋە ئۇلار بىلەن ئېلىشىدۇ ۋە ئۇلارنى يېڭىپ ئۆلتۈرىدۇ. جەسەتلىرى كاتتا شەھەرنىڭ غول يولىغا تاشلىنىدۇ. بۇ شەھەر سودوم ياكى مىسىر دېگەن سىمۋوللۇق نام بىلەن ئاتالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ رەببىمۇ ئۇ يەردە كرېستكە مىخلانغانىدى. ھەر مىللەتتىن، ھەر قەبىلىدىن ۋە ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەردىن كىشىلەر كېلىشىپ، ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىگە ئۈچ يېرىم كۈن تىكىلىپ قارايدۇ ۋە جەسەتلەرنىڭ يەرلىككە قويۇلۇشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ. يەر يۈزىدە ياشايدىغانلار ئۇلارنىڭ بۇ ئەھۋالىدىن خۇشاللىققا چۆمۈپ، ھېيت-بايرام ئۆتكۈزىدۇ، بىر-بىرىگە ھەدىيىلەر ئەۋەتىشىدۇ، چۈنكى بۇ ئىككى پەيغەمبەرنىڭ سۆزى ئىنسانلارنىڭ ۋىجدانلىرىغا تىكەندەك سانجىلىپ، ئۇلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەنىدى. ئۈچ يېرىم كۈندىن كېيىن، ئىككى پەيغەمبەرنىڭ تېنىگە خۇدادىن كەلگەن ھاياتلىق نەپىسى كىردى، ۋە ئۇلار ئورنىدىن تۇردى. ئۇلارنى كۆرگەنلەر ئىنتايىن ئالاقزادە بولۇپ كېتىشتى. ئىككى پەيغەمبەر ئەرشتىن كەلگەن جاراڭلىق بىر ئاۋازنىڭ: «بۇ ياققا چىق!» دېگەن لىكىنى ئاڭلىدى ۋە رەقىبلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا بىر بۇلۇت ئىچىدە ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. دەل شۇ چاغدا، زېمىن شىددەتلىك تەۋرەندى، شەھەرنىڭ ئوندىن بىرى گۇمران بولۇپ، يەتتە مىڭ كىشى ھالاك بولدى. قالغانلىرى ئىنتايىن قورقۇشۇپ، ئەرشتىكى خۇدانى ئۇلۇغلاشتى. ئىككىنچى بالايىئاپەت ئۆتۈپ كەتتى. ئەمدى ئۈچىنچى بالايىئاپەت كېلىشكە ئاز قالدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، يەتتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى. ئەرشتىن كەلگەن جاراڭلىق ئاۋازلار مۇنداق دەيتتى: «دۇنيانىڭ پادىشاھلىقى پەرۋەردىگارىمىز ۋە ئۇنىڭ مەسىھىگە مەنسۇپ بولدى. ئۇ ئەبەدىلئەبەد ھۆكۈم سۈرگۈسى.» خۇدانىڭ ئالدىدىكى ئۆز تەختلىرىدە ئولتۇرغان يىگىرمە تۆت يېتەكچى يەرگە باش قويۇپ، خۇداغا سەجدە قىلىپ مۇنداق دېيىشتى: «ھازىر ۋە ئەزەلدىن بار بولغان ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا، شۈكۈرلەر بولسۇن ساڭا. چۈنكى، ئۇلۇغ قۇدرىتىڭ بىلەن، ھۆكۈمۈڭنى يۈرگۈزۈشكە باشلىدىڭ. خەلقلەر غەزەپلەنگەنىدى. ئەمدى سېنىڭ غەزىپىڭ يېتىپ كەلدى! ئۆلۈكلەرنى سوراق قىلىش، خىزمەتكارلىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەرنى ۋە خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى، شۇنداقلا ئەرزىمەس ياكى كاتتا بولسۇن، نامىڭنى چوڭقۇر ھۆرمەتلىگەنلەرنى ئىنئامغا ئىگە قىلىش، يەر يۈزىنى گۇمران قىلغانلارنى ھالاك قىلىش ۋاقتى كەلدى.» ئاندىن، خۇدانىڭ ئەرشتىكى ئىبادەتخانىسى ئېچىلدى ۋە ئۇنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۇ يەردە كۆرۈندى. شۇئان چاقماقلار چېقىپ، گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈر-قاراسلىرى ئاڭلاندى. زېمىن تەۋرىنىپ، دەھشەتلىك مۆلدۈر يېغىپ كەتتى. ئۇ چاغدا، ئەرشتە ئاجايىپ زور بىر كارامەت، يەنى قۇياشنى يېپىنچاقلىغان بىر ئايال كۆرۈندى. ئۇنىڭ پۇتلىرىنىڭ ئاستىدا ئاي، بېشىدا ئون ئىككى يۇلتۇزلۇق تاج بار ئىدى. بۇ ئايالنىڭ ئاي-كۈنى توشۇپ قالغان بولۇپ، تولغاق ئىچىدە داد-پەرياد قىلاتتى. ئاندىن، ئەرشتە يەنە بىر كارامەت، يەنى يەتتە باشلىق، ئون مۈڭگۈزلۈك، چوڭ بىر قىزىل ئەجدىھا كۆرۈندى. ئۇنىڭ يەتتە بېشىدا يەتتە تاج بار ئىدى. ئۇ ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى قۇيرۇقى بىلەن سۈرۈپ، يەر يۈزىگە چۈشۈرۈۋەتتى. ئاندىن، ئايال يەڭگىگەن ھامان ئۇنىڭ بالىسىنى يالماپ يۇتۇۋەتمەكچى بولۇپ، تۇغۇت ئۈستىدىكى ئايالنىڭ ئالدىدا تۇردى. ئايال بىر بالا، يەنى پۈتۈن ئەللەرنى تۆمۈر كالتەك بىلەن باشقۇرىدىغان بىر ئوغۇل تۇغدى. بالا تەختتە ئولتۇرغان خۇدانىڭ ئالدىغا دەرھال ئېلىپ چىقىلدى. ئايال بولسا چۆلگە قاچتى. ئۇ يەردە ئۇنىڭ 1260 كۈن بېقىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا خۇدا تەرىپىدىن ھازىرلاپ قويۇلغان بىر جاي بار ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئەرشتە جەڭ بولدى. باش پەرىشتە مىكائىل ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى ئەجدىھاغا قارشى جەڭ قىلدى. ئەجدىھامۇ ئۆز پەرىشتىلىرى بىلەن ئۇلارغا ئېتىلدى، لېكىن ئېلىشالمىدى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئەرشتىكى ئورنىدىن مەھرۇم قالدى. چوڭ ئەجدىھا، يەنى ئىبلىس ياكى شەيتان دەپ ئاتالغان، پۈتۈن دۇنيانى ئازدۇرغان ھېلىقى قەدىمىي يىلان ئۆز پەرىشتىلىرى بىلەن بىللە يەر يۈزىگە تاشلاندى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئەرشتە جاراڭلىق بىر ئاۋازنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «خۇدايىمىزنىڭ نىجاتلىقى، قۇدرىتى، پادىشاھلىقى ۋە ئۇ تەيىنلىگەن مەسىھنىڭ ھوقۇقى نامايان بولدى. چۈنكى، خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا قېرىنداشلىرىمىزنى كېچە-كۈندۈز ئەيىبلىگۈچى ئەرشتىن تاشلىۋېتىلدى. قېرىنداشلىرىمىز قوزىنىڭ قېنى ۋە ئۇنىڭ قىلغان گۇۋاھلىقى بىلەن ئەجدىھانى يەڭدى. ئۇلار ھەتتا ئۆلۈم ئالدىدىمۇ ئۆز جېنىنى ئايىمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي ئەرش ۋە ئەرشتە ياشىغۇچىلار، خۇشال بولۇڭلار! لېكىن، ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي يەر ۋە دېڭىزلار! چۈنكى، ئىبلىس ئۈستۈڭلارغا تاشلاندى. ئۇ ئۆز ۋاقتىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى بىلىپ، دەرغەزەپكە كەلدى.» ئەجدىھا ئۆزىنىڭ يەر يۈزىگە تاشلانغانلىقىنى كۆرۈپ، ئوغۇل بالىنى تۇغقان ئايالنى قوغلاشقا باشلىدى. ئايالنىڭ ئەجدىھادىن دالدىلىنىپ، چۆلدىكى ئۈچ يېرىم يىل بېقىلىدىغان ماكانغا ئۇچۇپ كېتىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا يوغان بىر بۈركۈتنىڭ ئىككى قانىتى بېرىلدى. ئەجدىھا ئايالنىڭ ئارقىسىدىن ئاغزى بىلەن دەريادەك سۇ پۈركۈپ، ئۇنى سەلگە باستۇرۇپ ئېقىتىپ كەتمەكچى بولدى. لېكىن، زېمىن ئايالغا ياردەم قىلىپ، ئاغزىنى ئېچىپ، ئەجدىھانىڭ ئاغزىدىن ئېتىلىپ چىققان دەريانى يۇتتى. بۇنىڭ بىلەن، ئەجدىھا ئايالغا دەرغەزەپ بولۇپ، ئۇنىڭ باشقا پەرزەنتلىرى، يەنى خۇدانىڭ ئەمرلىرىنى تۇتۇپ، ئەيسا مەسىھنىڭ بەرگەن گۇۋاھلىقىدا تۇرغانلىرى بىلەن جەڭ قىلغىلى كەتتى. ھېلىقى ئەجدىھا دېڭىز بويىدا تىكىلىپ تۇراتتى. ئاندىن، ئون مۈڭگۈزلۈك، يەتتە باشلىق بىر دىۋىنىڭ دېڭىزدىن چىقىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ ھەربىر مۈڭگۈزىدە بىردىن تاج بار ئىدى، ھەربىر بېشىدا خۇداغا كۇپۇرلۇق كەلتۈرىدىغان ئىبارە يېزىلغانىدى. مەن كۆرگەن بۇ دىۋە يىلپىزغا ئوخشايتتى، پۇتلىرى ئېيىقنىڭ پۇتلىرىغا، ئاغزى بولسا شىرنىڭ ئاغزىغا ئوخشايتتى. ئەجدىھا دىۋىگە ئۆز قۇدرىتى، تەختى ۋە زور ھوقۇقىنى بەردى. دىۋىنىڭ باشلىرىدىن بىرى ئەجەللىك يارىلانغاندەك تۇراتتى. لېكىن، بۇ ئەجەللىك يارا ساقايغانىدى. پۈتۈن دۇنيا ھەيرانلىق ئىچىدە دىۋىگە ئەگەشتى. ئۇلار دىۋىگە بۇنداق ھوقۇق بەرگەن ئەجدىھاغا چوقۇنۇشتى. ئۇلار يەنە دىۋىگىمۇ چوقۇنۇپ، «دىۋىگە تەڭ كېلەلەيدىغانلار بارمۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن كىممۇ ئېلىشالىسۇن؟» دېدى. دىۋىگە تەكەببۇرلۇق ۋە كۇپۇرلۇق قىلىدىغان ئېغىز ھەمدە 42 ئاي يۈرگۈزەلەيدىغان ھوقۇق بېرىلدى. ئۇ خۇداغا، خۇدانىڭ نامىغا ۋە ئۇنىڭ دەرگاھىغا، يەنى ئۇ يەردە ياشايدىغانلارغا كۇپۇرلۇق قىلىش ئۈچۈن ئاغزىنى ئاچتى. ئۇنىڭ خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىگە قارشى جەڭ قىلىپ، ئۇلارنى يېڭىشىگە يول قويۇلدى. ھەر قەبىلە، ھەر مىللەت، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقى بېرىلدى. دۇنيا يارىتىلغاندىن بۇيان، بوغۇزلانغان قوزىنىڭ ھاياتلىق دەپتىرىگە نامى يېزىلغانلاردىن باشقا، يەر يۈزىدە ياشايدىغان ھەممە ئىنسان ئۇنىڭغا چوقۇنىدۇ. مۇنۇ سۆزنى قۇلىقىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار: «خۇدانىڭ «تۇتقۇن بولىدۇ» دېگىنى چوقۇم تۇتقۇن بولىدۇ. خۇدانىڭ «قىلىچلىنىدۇ» دېگىنى چوقۇم قىلىچلىنىپ ئۆلىدۇ.» شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى سەۋر قىلىشى، ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇشى لازىم. ئۇنىڭدىن كېيىن، يەردىن چىقىۋاتقان يەنە بىر دىۋىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ قوزىنىڭكىدەك كىچىك ئىككى مۈڭگۈزى بار ئىدى، لېكىن ئاۋازى ئەجدىھانىڭكىدەك چىقاتتى. ئۇ بىرىنچى دىۋىگە ۋاكالىتەن پۈتۈن ھوقۇقنى يۈرگۈزۈپ، يەر يۈزىنى ۋە ئۇنىڭدا ياشايدىغانلارنى ئەجەللىك يارىسى ساقايغان بىرىنچى دىۋىگە چوقۇنۇشقا مەجبۇرلايتتى. ئۇ چوڭ كارامەتلەرنى كۆرسىتەتتى، ھەتتا ئىنسانلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئاسماندىن يەر يۈزىگە ئوت ياغدۇراتتى. ئۇ بىرىنچى دىۋىگە ۋاكالىتەن كۆرسىتىشكە ھوقۇقلاندۇرۇلغان كارامەتلەر بىلەن يەر يۈزىدە ياشايدىغانلارنى ئازدۇردى. ئۇلارغا قىلىچ بىلەن چېپىلغان، لېكىن ئامان قالغان بىرىنچى دىۋىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بىر ھەيكەل تىكلەشنى بۇيرۇدى. يەردىن چىققان دىۋىگە دېڭىزدىن چىققان دىۋىنىڭ ھەيكىلىگە ھاياتلىق نەپىسى بېرىپ، ئۇنى سۆزلىيەلەيدىغان قىلىش ۋە ئۇنىڭغا چوقۇنمىغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈش قۇدرىتى بېرىلدى. ئۇ كاتتا ۋە ئەرزىمەس، باي ۋە كەمبەغەل، ھۆر ۋە قۇللارنىڭ ھەممىسىنى ئوڭ قولى ياكى پېشانىسىگە بىر بەلگە ئۇرغۇزۇشقا مەجبۇرلىدى. بۇ بەلگە بارلار، يەنى قولى ياكى پېشانىسىدە دىۋىنىڭ نامى ياكى ئۇنىڭ نامىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان رەقەم بېسىلغانلاردىن باشقا ھېچكىم بىر نەرسە سېتىۋالالمايتتى ياكى ساتالمايتتى. بۇ يەردە بىر ھېكمەت بار. ئەقىل-پاراسىتى بارلىكى كىشىلەر دىۋىنىڭ رەقىمىنى ھېسابلاپ چىقالايدۇ، چۈنكى بۇ رەقەم بىر ئادەمگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇنىڭ رەقىمى 666 دۇر. ئاندىن، قوزىنىڭ سىئون تېغى ئۈستىدە تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ يېنىدا پېشانىسىگە قوزىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى يېزىلغان 000،144 كىشى بار ئىدى. ئاسماندىن خۇددى شارقىراپ ئېقىۋاتقان سۇلارنىڭ ۋە گۈلدۈرمامىنىڭ قاتتىق گۈلدۈرلىشىدەك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. مەن ئاڭلىغان ئاۋاز يەنە چىلتارچىلار ئورۇندىغان نەغمە ئاۋازىغىمۇ ئوخشايتتى. ھېلىقى 000،144 كىشى تەختنىڭ، تۆت تىرىك مەخلۇقنىڭ ۋە يېتەكچىلەرنىڭ ئالدىدا يېڭى بىر ناخشا ئېيتىشتى. بۇ ناخشىنى گۇناھلىرىنىڭ بەدىلى تۆلىنىپ بۇ دۇنيادىن ئازاد قىلىنغان كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم ئۆگىنىشكە قادىر ئەمەس ئىدى. ئۇلار خۇددى زىنا قىلىپ باقمىغان كىشىلەردەك پاك بولۇپ، قوزا نەگە بارسا، ئۇلارمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ شۇ يەرگە بارىدۇ. ئۇلار ئىنسانلار ئارىسىدىن بەدەل بىلەن قۇتقۇزۇۋېلىنغانلار بولۇپ، خۇددى دەسلەپ پىشقان مېۋە خۇداغا ئاتالغىنىدەك، ئۇلار خۇداغا ۋە قوزىغا ئاتالغانلاردۇر. ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن يالغان سۆز چىقمايدۇ. ئۇلار ئەيىبسىزدۇر. بۇنىڭ كەينىدىن، ئاسماننىڭ قەرىدە ئۇچۇپ يۈرگەن باشقا بىر پەرىشتىنى كۆردۈم. بۇ پەرىشتە يەر يۈزىدە ياشايدىغانلارغا، يەنى ھەربىر خەلق، قەبىلە ۋە ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرگە يەتكۈزىدىغان مەڭگۈلۈك خۇش خەۋەرنى ئېلىپ كەلگەنىدى. ئۇ جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن: «خۇدادىن قورقۇڭلار! ئۇنى ئۇلۇغلاڭلار! چۈنكى، ئۇنىڭ ئىنسانلارنى سوراق قىلىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى. ئاسماننى، زېمىننى، دېڭىزنى ۋە بۇلاقلارنى ياراتقۇچىغا سەجدە قىلىڭلار!» دەيتتى. ئۇنىڭ كەينىدىن كەلگەن ئىككىنچى پەرىشتە مۇنداق دېدى: «گۇمران بولدى! ئۆز زىناسىنىڭ كۈچلۈك شارابىنى پۈتكۈل خەلقلەرگە ئىچكۈزگەن كاتتا شەھەر بابىل گۇمران بولدى!» ئالدىنقى ئىككى پەرىشتىنىڭ كەينىدىن ئۈچىنچى پەرىشتە قاتتىق ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى: «كىمدەكىم دېڭىزدىن چىققان دىۋىگە ۋە ئۇنىڭ ھەيكىلىگە چوقۇنسا، ئۇنىڭ بەلگىسىنى پېشانىسىگە ياكى قولىغا ئۇرغۇزسا، خۇدانىڭ غەزىپىنىڭ ساپ ھەم كۈچلۈك شارابىنى خۇدانىڭ غەزىپى بىلەن تولغان قەدەھتە ئىچىدۇ. ئۇ مۇقەددەس پەرىشتىلەرنىڭ ۋە قوزىنىڭ ئالدىدا ئوت ۋە گۈڭگۈرتتە ئازابلىنىدۇ. ئۇنى قىينىغان ئوتنىڭ ئىس-تۈتەكلىرى مەڭگۈ پۇرقىراپ تۇرىدۇ. دىۋىگە ۋە ئۇنىڭ ھەيكىلىگە چوقۇنۇپ، ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ بەلگىسىنى ئۇرغۇزغانلارغا كېچە-كۈندۈز ئاراملىق بولمايدۇ.» شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئەمرلىرىنى تۇتقان ۋە ئەيساغا سادىق بولغان خەلق سەۋر-تاقەتلىك بولۇشى لازىم. مەن يەنە ئاسماندا مۇنداق بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم: «بۇ سۆزنى ياز: ˜بۇنىڭدىن كېيىن، رەببىمىزگە مەنسۇپ بولۇپ ئۆلگەنلەر نەقەدەر بەختلىك!Œ» مۇقەددەس روھ: «دۇرۇس، ئۇلار ئۆز ئىشلىرىنى تۈگىتىپ ئارام ئالىدۇ. چۈنكى، قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسى ئۇلار بىلەن بىللە بولىدۇ» دېدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، بىر پارچە ئاق بۇلۇتنى كۆردۈم. بۇلۇتنىڭ ئۈستىدە بېشىغا ئالتۇن تاج كىيگەن، قولىدا ئۆتكۈر بىر ئورغاق تۇتقان، ئىنسانئوغلىغا ئوخشايدىغان بىرى ئولتۇراتتى. ئىبادەتخانىدىن چىققان باشقا بىر پەرىشتە بۇلۇتنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغۇچىغا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «ئورغىقىڭنى سال ۋە ئور! چۈنكى، ئورما ۋاقتى كەلدى، زېمىندىكى زىرائەتلەر پىشىپ يېتىلدى» دېدى. بۇلۇت ئۈستىدە ئولتۇرغۇچى زېمىنغا ئورغاق سالدى. يەردىكى زىرائەتلەر ئورۇلدى. ئەرشتىكى ئىبادەتخانىدىن يەنە بىر پەرىشتە چىقتى. ئۇنىڭمۇ ئۆتكۈر بىر ئورغىقى بار ئىدى. ئارقىدىنلا، ئوتنى باشقۇرىدىغان يەنە بىر پەرىشتە قۇربانلىق سۇپىسى تەرەپتىن چىقىپ، ئۆتكۈر ئورغاق تۇتقان پەرىشتىگە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «ئۆتكۈر ئورغىقىڭنى سېلىپ، يەر يۈزىدىكى ئۈزۈم تاللىرىنىڭ ساپاقلىرىنى يىغىۋال، چۈنكى ئۈزۈملەر پىشىپ يېتىلدى» دېدى. بۇنىڭ بىلەن، پەرىشتە ئورغىقىنى يەر يۈزىگە سالدى ۋە يەردىكى ئۈزۈم تاللىرىنىڭ مېۋىلىرىنى يىغىپ، خۇدانىڭ غەزىپىنىڭ شاراب كۆلچىكىگە تاشلىدى. شەھەرنىڭ سىرتىدىكى شاراب كۆلچىكىدىكى ئۈزۈملەر دەسسىلىپ، شەربەتلىرى قان بولۇپ، ئاتنىڭ تىزگىنىگە كېلىدىغان ئېگىزلىكتە ئۈچ يۈز چاقىرىم يىراقلىققا ئاقتى. ئاسماندا زور ھەم ھەيران قالارلىق يەنە بىر كارامەتنى، يەنى ئاخىرقى يەتتە خىل بالايىئاپەتنى ئېلىپ كېلىدىغان يەتتە پەرىشتىنى كۆردۈم. خۇدانىڭ غەزىپى بۇ بالايىئاپەتلەر بىلەن ئاخىرلىشاتتى. مەن يەنە ئوت ئارىلاش خرۇستال دېڭىزىدەك بىر كۆرۈنۈشنى كۆردۈم. ئۇنىڭ يېنىدا دىۋە ئۈستىدىن غەلىبە قىلغانلار، يەنى دىۋىگە ۋە ئۇنىڭ ھەيكىلىگە چوقۇنمىغان ھەم ئۇنىڭ نامىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان رەقەم بىلەن مۆھۈرلەنمىگەنلەر تۇراتتى. ئۇلارنىڭ قوللىرىدا خۇدا بەرگەن چىلتارلار بولۇپ، ئۇلار خۇدانىڭ خىزمەتكارى مۇسانىڭ ناخشىسىنى ھەم قوزا ھەققىدىكى ناخشىنى ئېيتىشاتتى: «ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا، قىلغانلىرىڭ ئۇلۇغ ۋە كارامەتتۇر. ئى پۈتكۈل خەلقلەرنىڭ پادىشاھى، يوللىرىڭ ئادىل ۋە ھەقتۇر. ئى پەرۋەردىگار، سەندىن قورقمايدىغان كىم بار، نامىڭنى مەدھىيىلىمەيدىغان؟ چۈنكى، يېگانە مۇقەددەس ئۆزۈڭدۇرسەن. كېلىپ پۈتكۈل خەلقلەر، ساڭا سەجدە قىلغۇسى. چۈنكى، ئاشكارا بولغاچ قىلغانلىرىڭنىڭ ھەققانىيلىقى.» ئۇنىڭدىن كېيىن، ئەرشتىكى ئىبادەتخانىنىڭ، يەنى ئەھدە چېدىرىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى كۆردۈم. يەتتە خىل بالايىئاپەتنى ئۆز ئىلكىدە تۇتقان يەتتە پەرىشتە پاكىز ھەم پارقىراپ تۇرىدىغان كەندىر رەختتىن تون كىيگەن، كۆكسىگە ئالتۇن كەمەر باغلىغان ھالدا ئىبادەتخانىدىن چىقتى. تۆت تىرىك مەخلۇقنىڭ بىرى يەتتە پەرىشتىگە ئەبەدىلئەبەد ياشايدىغان خۇدانىڭ غەزىپى بىلەن تولغان يەتتە ئالتۇن چىنىنى بەردى. ئىبادەتخانا خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە قۇدرىتىدىن تۈتۈن بىلەن تولدى. يەتتە پەرىشتىنىڭ يەتتە بالايىئاپىتى تامام بولمىغۇچە، ھېچكىم ئىبادەتخانىغا كىرەلمىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئىبادەتخانىدىن كۆتۈرۈلگەن جاراڭلىق بىر ئاۋازنىڭ يەتتە پەرىشتىگە: «بېرىڭلار، خۇدانىڭ غەزىپى بىلەن تولغان يەتتە چىنىدىكىنى يەر يۈزىگە تۆكۈڭلار!» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. بىرىنچى پەرىشتە بېرىپ چىنىدىكىنى قۇرۇقلۇققا تۆكتى. بۇنىڭ بىلەن، تېنىدە دىۋىنىڭ بەلگىسى بولغان ۋە ئۇنىڭ ھەيكىلىگە چوقۇنغانلارنىڭ بەدىنىنى يىرگىنچلىك يىرىڭلىق يارىلار قاپلاپ كەتتى. ئىككىنچى پەرىشتە چىنىدىكىنى دېڭىزغا تۆكتى. دېڭىز سۈيى ئۆلۈكنىڭ قېنىغا ئوخشاش قانغا ئايلاندى ۋە ئىچىدىكى پۈتۈن جانلىقلار ئۆلدى. ئۈچىنچى پەرىشتە چىنىدىكىنى دەريا ۋە بۇلاقلارغا تۆكتى. ئۇلارنىڭ سۈيىمۇ قانغا ئايلاندى. ئاندىن، سۇ پەرىشتىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «ھازىر ۋە ئەزەلدىن بار بولغان مۇقەددەس خۇدا! چىقارغان ھۆكۈملىرىڭ دۇرۇس ۋە ئادىلدۇر. يامان ئادەملەر سېنىڭ مۇقەددەس خەلقىڭ ۋە پەيغەمبەرلەر قېنىنى تۆككەنلىكى ئۈچۈن، سەن ئۇلارغا ئىچكىلى قان بەردىڭ. ئۇلار مۇشۇ جازاغا لايىقتۇر.» يەنە قۇربانلىق سۇپىسىدىن كەلگەن بىر ئاۋازنىڭ: «ئى ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا، ھۆكۈملىرىڭ ھەق ۋە ئادىلدۇر» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. تۆتىنچى پەرىشتە چىنىدىكىنى قۇياشنىڭ يۈزىگە تۆكتى. بۇنىڭ بىلەن، قۇياشقا ئىنسانلارنى ئوتتەك قىزىقى بىلەن ئۆرتەش قۇدرىتى بېرىلدى. ئىنسانلار دەھشەتلىك ئىسسىقتا ئۆرتەلدى. بىراق، ئۇلار توۋا قىلىش ۋە بۇ بالايىئاپەتلەرنى كەلتۈرۈش قۇدرىتىگە ئىگە بولغان خۇداغا ھەمدۇسانالار ئوقۇشنىڭ ئورنىغا ئۇنى قارغاشتى. بەشىنچى پەرىشتە چىنىدىكىنى دىۋىنىڭ تەختىگە تۆكتى. دىۋىنىڭ پادىشاھلىقىنى قاراڭغۇلۇق باستى. ئىنسانلار ئازابتىن تىللىرىنى چىشلەشتى. ئۇلار ئاغرىق ئازابى ۋە يارىلىرىنىڭ دەستىدىن ئەرشتىكى خۇدانى قارغاشتى. بىراق، قىلمىشلىرىغا توۋا قىلىشمىدى. ئالتىنچى پەرىشتە چىنىدىكىنى ئۇلۇغ فىرات دەرياسىغا تۆكتى. شۇ ھامان دەريانىڭ سۈيى قۇرىدى. بۇنىڭ بىلەن، كۈنچىقىشتىن كېلىدىغان پادىشاھلارنىڭ يولى ئېچىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئەجدىھانىڭ، دىۋىنىڭ ۋە ساختا پەيغەمبەرنىڭ ئېغىزلىرىدىن چىققان پاقىغا ئوخشايدىغان ئۈچ يامان روھنى كۆردۈم. بۇلار كارامەتلەر كۆرسىتىدىغان جىنلارنىڭ روھلىرى بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى پادىشاھلارنى ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ئۇلۇغ كۈنىدىكى جەڭگە توپلاشقا كېتىۋاتاتتى. ئەيسا مۇنداق دېدى: «قاراڭلار، ئوغرىنىڭ كېلىشىدەك تۇيۇقسىز كېلىمەن. يالىڭاچ قېلىپ، نومۇسقا قالماسلىق ئۈچۈن، كىيىملىرىنى يېنىغا قويۇپ، سەگەك ياتقانلار نەقەدەر بەختلىك-ھە!» ئۈچ يامان روھ پادىشاھلارنى ئىبرانىيچە «ئارماگېدون» دېيىلىدىغان يەرگە توپلىدى. يەتتىنچى پەرىشتە چىنىدىكىنى ھاۋاغا تۆكتى. ئەرشتىكى ئىبادەتخانىنىڭ تەختىدىن كۆتۈرۈلگەن جاراڭلىق بىر ئاۋاز: «ئىش تامام!» دېدى. شۇ ئەسنادا چاقماقلار چېقىلدى، گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈر-قاراسلىرى ئاڭلاندى. يەر-زېمىن شۇنچىلىك تەۋرەندىكى، ئىنسانلار يارىتىلغاندىن بېرى بۇنداق قاتتىق تەۋرىنىش بولمىغانىدى. كاتتا شەھەر بابىل ئۈچكە بۆلۈندى. ھەرقايسى ئەللەردىكى شەھەرلەرمۇ يەر بىلەن يەكسان بولدى. شۇ كاتتا شەھەر بابىلدىن ھېساب ئېلىنىش ئۈچۈن، خۇدانىڭ قاتتىق غەزىپى بىلەن تولغان قەدەھ ئۇنىڭغا بېرىلدى. پۈتۈن ئاراللار غايىب بولدى، تاغلار يوقالدى. ئاسماندىن ئىنسانلارنىڭ ئۈستىگە ھەربىر دانىسى قىرىق بەش كىلو چامىسىدا كېلىدىغان مۆلدۈر ياغدى. بۇ مۆلدۈر ئاپىتى شۇنداق قورقۇنچلۇق بولدىكى، ئىنسانلار بۇ بالايىئاپەتنىڭ دەستىدىن خۇدانى قارغاشتى. يەتتە چىنىسى بار يەتتە پەرىشتىنىڭ بىرى كېلىپ، ماڭا: - بۇ يەرگە كەل، سۇلار ئۈستىدە ئولتۇرغان، داڭقى چىققان پاھىشە ئايالنىڭ تارتىدىغان جازاسىنى ساڭا كۆرسىتىپ قوياي. دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلىشتى، يەر يۈزىدە ياشايدىغانلار ئۇنىڭ زىناسىنىڭ شارابىدىن مەست بولۇشتى، - دېدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، پەرىشتە مېنى بىر چۆلگە ئېلىپ كەتتى. شۇ چاغدا، مۇقەددەس روھ مېنى ئۆز ئىلكىگە ئالغانىدى. ئۇ يەردە يەتتە باشلىق، ئون مۈڭگۈزلۈك، پۈتۈن ئەزايىنى كۇپۇرلۇق ناملىرى قاپلىغان بىر توق قىزىل دىۋىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان بىر ئايالنى كۆردۈم. ئايال سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك كىيىم كىيگەن بولۇپ، ئالتۇن، قىممەت باھالىق تاش ۋە ئۈنچە-مەرۋايىتلار بىلەن بېزەلگەنىدى. قولىدا يىرگىنچلىك نەرسىلەر ۋە ئۆز زىناسىنىڭ مەينەتچىلىكلىرى بىلەن تولغان بىر ئالتۇن قەدەھ بار ئىدى. پېشانىسىگە «كاتتا بابىل - پاھىشىلەرنىڭ ۋە دۇنيادىكى پۈتكۈل يىرگىنچلىكلەرنىڭ ئانىسى» دېگەن بىر سىرلىق نام يېزىلغانىدى. مەن ئايالنىڭ خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى، يەنى ئەيساغا گۇۋاھلىق بېرىپ قۇربان بولغانلارنىڭ قېنى بىلەن مەست بولغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران بولدۇم. پەرىشتە ماڭا مۇنداق دېدى: - نېمىگە ھەيران بولۇۋاتىسەن؟ ئايالنىڭ ۋە ئۇ مىنىپ تۇرغان يەتتە باشلىق، ئون مۈڭگۈزلۈك دىۋىنىڭ سىرىنى ساڭا ئېيتىپ بېرەي. سەن كۆرگەن دىۋە بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق. ئۇ كېيىن تېگى يوق ھاڭدىن چىقىپ، ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ. يەر يۈزىدە ياشايدىغان، ئەمما دۇنيا يارىتىلغاندىن بۇيان نامى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلمىگەن كىشىلەر دىۋىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران قالىدۇ. چۈنكى، ئۇ بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق، لېكىن يەنە پەيدا بولىدۇ. بۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەت كېرەك. يەتتە باش ئۇ ئايال ئولتۇرغان يەتتە تاغقا، شۇنداقلا يەتتە پادىشاھقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇلارنىڭ بەشى ئاغدۇرۇلغان، بىرى بار، يەنە بىرى تېخى كەلمىدى. ئۇ كەلگەندە ئازلا ۋاقىت تۇرالايدۇ. بۇرۇن بار، لېكىن ھازىر بولمىغان دىۋىنىڭ ئۆزى سەككىزىنچى پادىشاھتۇر. ئۇ ھەم يەتتە پادىشاھنىڭ قاتارىدا ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ. سەن كۆرگەن دىۋىنىڭ ئون مۈڭگۈزى تېخى ھۆكۈم سۈرمىگەن ئون پادىشاھتۇر. لېكىن، بۇلارغا دىۋە بىلەن بىللە بىر سائەتلىك پادىشاھلىق ھوقۇقى بېرىلىدۇ. بۇ پادىشاھلار ئۆز قۇدرىتى ۋە ھوقۇقلىرىنى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە دىۋىگە بېرىشىدۇ. دىۋە ۋە پادىشاھلار بىرلىشىپ قوزىغا قارشى جەڭ قىلىدۇ. قوزا غەلىبە قىلىدۇ، چۈنكى قوزا رەبلەرنىڭ رەببى، پادىشاھلارنىڭ پادىشاھىدۇر. ئۇنىڭ بىلەن بىر سەپتىكىلەر چاقىرىلغان، تاللانغان ۋە ئۇنىڭغا سادىق بولغانلاردۇر. پەرىشتە ماڭا يەنە: - پاھىشە ئايال بويىدا ئولتۇرغان، سەن كۆرگەن سۇلارنىڭ ئۆزى مىللەتلەر، قوۋملار، خەلقلەر ۋە ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان كىشىلەردۇر. سەن كۆرگەن دىۋە ۋە ئون مۈڭگۈز بۇ پاھىشە ئايالدىن نەپرەتلىنىدۇ، ئۇنى تالان-تاراج قىلىپ يالىڭاچلاپ قويىدۇ، ئۇنىڭ گۆشىنى يەپ، ئۆزىنى ئوتتا كۆيدۈرىدۇ. چۈنكى، خۇدا ئاشۇ ئون پادىشاھنىڭ قەلبىنى ئەسىر قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بۇ پادىشاھلار خۇدانىڭ سۆزلىرى ئەمەلگە ئاشقۇچە، ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى دىۋىگە ئۆتۈنۈپ بېرىشتە بىرلىككە كېلىدۇ. سەن كۆرگەن ئايال دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان كاتتا شەھەر - بابىلدۇر، - دېدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، چوڭ ھوقۇقلۇق يەنە بىر پەرىشتىنىڭ ئەرشتىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. يەر يۈزى ئۇنىڭ پارلاق نۇرى بىلەن يورۇپ كەتتى. پەرىشتە جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن مۇنداق ۋارقىرىدى: «گۇمران بولدى، كاتتا شەھەر بابىل گۇمران بولدى! ئەمدى ئۇ جىنلارنىڭ ماكانى، ھەر خىل يامان روھلارنىڭ ئۇۋىسى، ھەر خىل ئىپلاس ۋە يىرگىنچلىك قۇشلارنىڭ چاڭگىسىدۇر. چۈنكى، ئىچىشتى ھەرقايسى خەلقلەر، ئۇنىڭ ئەخلاقسىزلىقىنىڭ كۈچلۈك شارابىدىن. زىنا قىلىشتى دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى ئۇنىڭ بىلەن، بېيىشتى دۇنيانىڭ سودىگەرلىرى، ئۇنىڭ باياشاتچىلىقىنىڭ زىيادىلىكىدىن.» ئاسماندىن يەنە بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم: «ئۇ يەردىن چىقىڭلار، ئەي خەلقىم! بولمىسا شېرىك بولىسىلەر ئۇ شەھەرنىڭ گۇناھلىرىغا. ئۇچرايسىلەر ئۇنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان بالايىئاپەتلەرگە. چۈنكى، پەلەككە يەتتى ئۇنىڭ قاتمۇقات گۇناھلىرى، خۇدانىڭ يادىغا يەتتى ئۇنىڭ رەزىل قىلمىشلىرى. ياندۇرۇڭلار ئۇنىڭ سىلەرگە قىلغىنىغا مۇۋاپىق. قايتۇرۇڭلار ئۇنىڭ قىلمىشلىرىغا قوشلاپ. سۇنۇڭلار ئىككى باراۋەر تولدۇرۇپ، ئۇنىڭ شاراب بەرگەن قەدىھىنى. ئەيش-ئىشرەتتە ھەشەمەتچىلىك بىلەن ياشىسا قانداق، بېرىڭلار ئۇنىڭغا ئازاب ۋە ئەلەم شۇنداق. چۈنكى ماختىنىدۇكى ئۇ ئۆز كۆڭلىدە: ئولتۇرىمەن خانىشتەك تەختتە، تۇل ئەمەسمەن. تۇتماسمەن ئەسلا ماتەم!Œ بۇ ۋەجىدىن ئۇنىڭ بېشىغا كېلىدىغان بالايىئاپەت، يەنى ئۆلۈم، ئاچارچىلىق ۋە ماتەم، كېلىدۇ ھامان بىر كۈن ئىچىدىلا. ئۆرتىلىدۇ ئۇ ئوت ئىچىدە. چۈنكى، سوراق قىلىدۇ ئۇنى قۇدرەتلىك پەرۋەردىگار خۇدا!» ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلغان ۋە ئەيش-ئىشرەتتە ياشىغان دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى ئۇنى ئۆرتىگەن ئوتنىڭ ئىس-تۈتەكلىرىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ ھالىغا ئېچىنىپ يىغا-زار قىلىشىدۇ. ئۇنىڭ تارتىۋاتقان ئازابىدىن قورقۇپ، يىراقتا تۇرۇپ دەيدۇكى: «ئىسىت، ئىسىت، كاتتا شەھەر! ئاھ بابىل، كۈچلۈك شەھەر! تارتىلدىڭ جازاغا، بىر سائەت ئىچىدىلا!» دۇنيادىكى سودىگەرلەرمۇ ئۇنىڭ ھالىغا ئېچىنىپ يىغا-زار قىلىشىدۇ. چۈنكى، ئەمدى ئۇلارنىڭ ماللىرىنى، يەنى ئالتۇن-كۈمۈش، قىممەت باھالىق تاش، ئۈنچە-مەرۋايىت، ئېسىل كەندىر رەخت، سۆسۈن تاۋار-دۇردۇن، يىپەك، توق قىزىل رەڭلىك گەزمال، ھەر تۈرلۈك خۇشبۇي ياغاچلار، پىل چىشى، ئەڭ ئېسىل ياغاچ، تۇچ، تۆمۈر ۋە مەرمەرلەردىن ئىشلەنگەن خىلمۇخىل بۇيۇملار، شۇنىڭدەك گۈلدارچىن، دورا-دەرمەك، ئىسرىق، مۇرمەككى، مەستەك، شاراب، زەيتۇن يېغى، ئاق ئۇن، بۇغداي، كالا، قوي، ئات، ھارۋا ۋە قۇللىرىنى، يەنى ئادەملىرىنى سېتىۋالىدىغان كىشى يوقتۇر. بۇ سودىگەرلەر بابىلغا: «سەن مەستانە بولغان ئېسىل نەرسىلەر سەندىن كەتتى؛ پۈتۈن ئېسىل مال-دۇنيالىرىڭ غايىب بولدى. سەن ئۇلارنى ئەمدى تاپالماسسەن» دەيدۇ. بابىلدا بۇ ماللارنى سېتىپ بېيىغان سودىگەرلەر شەھەرنىڭ تارتىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىدىن قورقۇپ، يىراقتا تۇرۇپ، ئۇنىڭ ھالىغا ئېچىنىپ يىغا-زار قىلىشىپ دېيىشىدۇكى: «ئىسىت، ئىسىت كاتتا شەھەر! ئورالغانىدىڭ ئېسىل كەندىر رەختلەرگە، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك گەزماللارغا، بېزەلگەنىدىڭ ئالتۇن، قىممەت باھالىق تاش ۋە ئۈنچە-مەرۋايىتلارغا! بەربات بولدۇڭ شۇنچە كاتتا بايلىقلار بىلەن بىر سائەت ئىچىدىلا.» بارلىق كېمە باشلىقلىرى، كېمىدىكى يولۇچىلار، كېمىچىلەر ۋە دېڭىزغا تايىنىپ جان باقىدىغانلارنىڭ ھەممىسى يىراقتا تۇرۇپ، ئۇنى ئۆرتىگەن ئوتنىڭ ئىس-تۈتەكلىرىنى كۆرۈپ: ˜بۇ كاتتا شەھەرنىڭ يەنە بىر تەڭدىشى بارمىدۇ؟Œ دەپ پەرياد قىلىشىدۇ. ئۇلار باشلىرىغا توپا تۆكۈشۈپ، ماتەم تۇتۇپ، ھەسرەت بىلەن ئۈن سېلىپ مۇنداق دەپ يىغلىشىدۇ: «ئىسىت، ئىسىت، كاتتا شەھەر! بېيىغانىدى ئۇنىڭ بايلىقىدىن دېڭىزدا كېمىسى بارلار، ھالبۇكى ۋەيران بولدى شەھەر بىر سائەت ئىچىدىلا!» «ئەي ئەرش، ئەي خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى، ئەلچىلەر ۋە پەيغەمبەرلەر! خۇش بولۇڭلار ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەنلەردىن! چۈنكى، جازالاپ خۇدا ئۇنى، ئېلىپ بەردى سىلەرنىڭ دەردىڭلارنى.» ئاندىن، كۈچلۈك بىر پەرىشتە تۈگمەن تېشىغا ئوخشاش يوغان بىر تاشنى كۆتۈرۈپ، دېڭىزغا تاشلاپ مۇنداق دېدى: «تاشلىنىدۇ مانا شۇنداق شىددەت بىلەن، كاتتا شەھەر بابىل، كۆرۈنمەيدۇ قايتا. ئەمدى ئاڭلانمايدۇ ئاۋازى ئۇنىڭدا، چىلتارچىنىڭ، ناخشىچىنىڭ، كانايچىنىڭ، سۇنايچىنىڭ. ئەمدى تېپىلمايدۇ ئۇنىڭدا ھېچقانداق قول ھۈنەرۋەن. ئەمدى ئاڭلانمايدۇ ئاۋازى تۈگمەنچىنىڭ. ئەمدى پارلىمايدۇ چىراغ يورۇقى ئۇنىڭدا، ئاڭلانمايدۇ مۇڭدىشىشلىرى يېڭى ئەر-خوتۇنلارنىڭ. دۇنيانىڭ ئەڭ مەرتىۋىلىك كىشىلىرى ئىدى ئۇنىڭ سودىگەرلىرى، ئازدى سېھرى بىلەن پۈتۈن خەلقىئالەم. تۆكۈلدى، بۇ شەھەردە قانلىرى، پەيغەمبەرلەر، خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى، يەر يۈزىدە قىرغىن بولغانلارنىڭ.» شۇنىڭدىن كېيىن، ئەرشتە نۇرغۇن خالايىقنىڭ ۋارقىراشلىرىدەك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. ئۇلار: «ھەمدۇسانا! نىجاتلىق، ئۇلۇغلۇق ۋە قۇدرەت خۇدايىمىزغا مەنسۇپتۇر. چۈنكى، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى ھەق ۋە ئادىلدۇر. ئۇ يەر يۈزىنى ئۆز زىناسى بىلەن بۇزغان داڭلىق پاھىشىنى سوراققا تارتىپ، ئۆز خىزمەتكارلىرىنىڭ قېنىنىڭ ئىنتىقامىنى ئالدى» دېيىشەتتى. ئۇلار يەنە: «ھەمدۇسانا! پاھىشىنى ئۆرتىگەن ئوتنىڭ ئىس-تۈتەكلىرى پۇرقىرايدۇ ئەبەدىلئەبەد!» دېيىشتى. يىگىرمە تۆت يېتەكچى ۋە تۆت تىرىك مەخلۇق يەرگە باش قويۇپ: «ئامىن! ھەمدۇسانا!» دەپ، تەختتە ئولتۇرغان خۇداغا سەجدە قىلىشتى. ئۇنىڭدىن كېيىن، تەختتىن كۆتۈرۈلگەن بىر ئاۋاز مۇنداق دېدى: «ئەي خۇدانىڭ پۈتكۈل خىزمەتكارلىرى، ئۇنى چوڭقۇر ھۆرمەتلىگەن كاتتا ۋە ئەرزىمەسلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى مەدھىيىلەڭلار!» ئاندىن، سۇلارنىڭ شارقىرىشىغا، قاتتىق گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈرلىشىگە ۋە نۇرغۇن خالايىقنىڭ ئاۋازىغا ئوخشاش بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. ئۇلار: «ھەمدۇسانا! ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ھۆكۈمراندۇر. شاد-خۇراملىق بىلەن تەنتەنە قىلايلى! ئۇنى مەدھىيىلەپ ئۇلۇغلايلى! چۈنكى، قوزىنىڭ توي كۈنى يېتىپ كەلدى، قىز ئۆزىنى تەييار قىلدى. ئۇنىڭغا كىيىش ئۈچۈن پاكىز ۋە يالتىراپ تۇرىدىغان ئېسىل كەندىر تون بېرىلدى» دەپ ۋارقىراشتى. (ئېسىل كەندىر خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىنىڭ خەيرلىك ئىشلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.) ئاندىن، پەرىشتە ماڭا: - مۇنۇ سۆزلەرنى خاتىرىلىۋال: «قوزىنىڭ توي زىياپىتىگە تەكلىپ قىلىنغانلار نەقەدەر بەختلىك!» - دېدى. ئۇ ماڭا يەنە: - بۇلار خۇدانىڭ ھەقىقىي سۆزلىرىدۇر. - دېدى. ئۇنىڭغا سەجدە قىلىش ئۈچۈن ئايىغىغا باش قويدۇم. لېكىن، ئۇ: - ھەرگىز ئۇنداق قىلما! مەنمۇ خۇدانىڭ سەن ۋە ئەيساغا گۇۋاھلىق بەرگەن قېرىنداشلىرىڭغا ئوخشاش خىزمەتكارىمەن. خۇداغىلا ئىبادەت قىل! چۈنكى، ئەيسا مەسىھ ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىدۇر، - دېدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئاسماننىڭ ئېچىلغانلىقىنى ۋە ئۇ يەردە تۇرغان بىر ئاق ئاتنى كۆردۈم. ئاتقا مىنگۈچىنىڭ ئىسمى «سادىق» ۋە «ھەق» ئىدى. ئۇ ئادىل ھۆكۈم ۋە ئادىل جەڭ قىلاتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرى يالقۇنلاپ تۇرغان ئوتقا ئوخشايتتى. بېشىدا نۇرغۇن تاجى بار بولۇپ، بەدىنىگە ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان بىر ئىسىم يېزىلغانىدى. ئۇچىسىغا قانغا مىلەنگەن تون كىيگەن بۇ ئاتقا مىنگۈچىنىڭ ئىسمى «خۇدانىڭ كالامى» ئىدى. پاكىز ۋە ئاپئاق ئېسىل كەندىر تون كىيگەن ئەرشتىكى قوشۇنلار ئاق ئاتلارغا مىنىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئاغزىدىن ھەرقايسى خەلقلەرگە زەربە بېرىش ئۈچۈن ئۆتكۈر بىر قىلىچ چىقىپ تۇراتتى. ئۇ خەلقلەرنى تۆمۈر كالتەك بىلەن باشقۇراتتى. ئۇ خۇداغا قارشى تۇرغۇچىلارنى خۇددى ئۈزۈملەرنى شاراب كۆلچىكىدە دەسسەپ مىجىغاندەك، ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ئوتلۇق غەزىپى بىلەن ھالاك قىلاتتى. ئۇنىڭ تونى ۋە يوتىسىدا «پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى ۋە رەبلەرنىڭ رەببى» دېگەن نامى يېزىلغانىدى. ئاندىن، قۇياشنىڭ ئىچىدە تۇرغان بىر پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇ ئاسماننىڭ قەرىدە ئۇچۇۋاتقان بارلىق قۇشلارغا قاتتىق ئاۋاز بىلەن: «كېلىڭلار، خۇدانىڭ كاتتا زىياپىتىگە يىغىلىڭلار! پادىشاھلارنىڭ، سەردارلارنىڭ ۋە قۇدرەتلىكلەرنىڭ، شۇنداقلا ئاتلارنىڭ ۋە ئۇنىڭغا مىنگەنلەرنىڭ، قۇللارنىڭ ۋە ھۆرلەرنىڭ، كاتتىلارنىڭ ۋە ئەرزىمەسلەرنىڭ گۆشلىرىنى يەڭلار!» دېدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، دىۋە، دۇنيا پادىشاھلىرى ۋە ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرىنىڭ ئاتقا مىنگۈچى ھەم ئۇنىڭ قوشۇنى بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن جەم بولغانلىقىنى كۆردۈم. دىۋە ۋە ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن مۆجىزىلەر كۆرسەتكەن ساختا پەيغەمبەر ئىككىلىسى تۇتۇلدى. ساختا پەيغەمبەر شۇ مۆجىزىلەر ئارقىلىق تېنىدە دىۋىنىڭ بەلگىسى بولغان ھەمدە دىۋىنىڭ ھەيكىلىگە چوقۇنغانلارنى ئازدۇرۇپ يۈرگەنىدى. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى گۈڭگۈرت يېنىۋاتقان ئوت كۆلىگە تىرىك تاشلاندى. ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرى ئاتقا مىنگۈچىنىڭ ئاغزىدىن چىققان قىلىچ بىلەن چېپىلدى. پۈتۈن ئۇچارقاناتلار بۇلارنىڭ گۆشىنى يەپ تويدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، قولىدا تېگى يوق ھاڭنىڭ ئاچقۇچى ۋە يوغان بىر كىشەن تۇتقان بىر پەرىشتىنىڭ ئاسماندىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. پەرىشتە ئەجدىھانى، يەنى ئىبلىس ياكى شەيتان دېيىلگەن ھېلىقى قەدىمىي يىلاننى تۇتۇپ، مىڭ يىللىق كىشەنلىدى. ھەرقايسى خەلقلەرنىڭ مىڭ يىل توشقۇچە قايتا ئازدۇرۇلماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنى تېگى يوق ھاڭغا تاشلىدى. ئاندىن، ھاڭنىڭ ئاغزىنى يېپىپ پېچەتلىۋەتتى. مىڭ يىل توشقاندىن كېيىن، ئەجدىھا ۋاقىتلىق قويۇپ بېرىلىشى كېرەك ئىدى. ئاندىن، تەختلەرنى ۋە ئۇلاردا ئولتۇرغانلارنى كۆردۈم. ئۇلارغا ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەنىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەيساغا گۇۋاھلىق بەرگەنلىكى ۋە خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن كاللىسى ئېلىنغانلارنىڭ جانلىرىنىمۇ كۆردۈم. ئۇلار دىۋىگە ۋە ئۇنىڭ ھەيكىلىگە چوقۇنمىغان، ئۇنىڭ بەلگىسى پېشانىسىگە ۋە قوللىرىغا ئۇرۇلمىغانلار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تىرىلىپ، مەسىھ بىلەن بىرلىكتە مىڭ يىل ھۆكۈم سۈرەتتى. بۇ دەسلەپكى تىرىلىش ئىدى. ئۆلۈكلەرنىڭ قالغانلىرى مىڭ يىل توشمىغۇچە تىرىلمەيتتى. دەسلەپكى تىرىلىشتىن بەھرىمەن بولغانلار بەختلىك ۋە مۇقەددەستۇر. ئىككىنچى ئۆلۈمنىڭ بۇلارنى ئىلكىگە ئېلىش ھوقۇقى يوقتۇر. ئۇلار خۇدانىڭ ۋە مەسىھنىڭ روھانىيلىرى بولىدۇ ۋە مەسىھ بىلەن بىرلىكتە مىڭ يىل ھۆكۈم سۈرىدۇ. مىڭ يىل توشقاندا، شەيتان زىنداندىن بوشىتىلىپ، يەر يۈزىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدىكى خەلقلەرنى، يەنى يەجۈج بىلەن مەجۈجلەرنى ئازدۇرۇش ۋە ئۇلارنى جەڭ قىلىش ئۈچۈن بىر يەرگە توپلاشقا چىقىدۇ. توپلىنىدىغانلارنىڭ سانى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك ساناقسىزدۇر. ئۇلار پۈتۈن يەر يۈزىنى كېزىپ، خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىنىڭ بارگاھىنى، يەنى ئۇ سۆيىدىغان شەھەرنى مۇھاسىرىگە ئالىدۇ. لېكىن، ئاسماندىن ئوت يېغىپ، ئۇلارنى كۈل قىلىدۇ. ئۇلارنى ئازدۇرغان ئىبلىس بولسا دىۋە بىلەن ساختا پەيغەمبەر كۆيۈۋاتقان ئوت ۋە گۈڭگۈرت كۆلىگە تاشلىنىپ، ئۇ يەردە كېچە-كۈندۈز مەڭگۈ ئازابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، چوڭ بىر ئاق تەخت ۋە ئۇنىڭدا ئولتۇرغۇچىنى كۆردۈم. ئاسمان بىلەن زېمىن ئۇنىڭ ئالدىدىن قېچىپ، غايىب بولدى. مەن يەنە ئۆلۈكلەرنى كۆردۈم. كاتتا ياكى ئەرزىمەس بولسۇن، ھەممىسى تەختنىڭ ئالدىدا تۇراتتى. كىتابلار ئېچىلدى. «ھاياتلىق دەپتىرى» دېيىلگەن يەنە بىر كىتابمۇ ئېچىلدى. ئۆلۈكلەر كىتابلاردا خاتىرىلەنگەنلەر بويىچە ئۆز ئەمەلىيىتىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىندى. دېڭىز ئۆزىدىكى ئۆلۈكلەرنى، ئۆلۈم ۋە ئۆلۈكلەر دىيارىمۇ ئۆزلىرىدىكى ئۆلۈكلەرنى تاپشۇرۇشتى. ھەركىم ئۆز ئەمەلىيىتىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىندى. ئاندىن، ئۆلۈم ۋە ئۆلۈكلەر دىيارى ئوت كۆلىگە تاشلاندى. مانا بۇ ئوت دېڭىزى ئىككىنچى ئۆلۈمدۇر. ئىسمى ھاياتلىق دەپتىرىدە يېزىلمىغانلارنىڭ ھەممىسى ئوت كۆلىگە تاشلاندى. ئاندىن، يېڭى ئاسمان ۋە يېڭى زېمىننى كۆردۈم، چۈنكى بۇرۇنقى ئاسمان ۋە زېمىن غايىب بولغانىدى. دېڭىزمۇ يوقالغانىدى. مۇقەددەس شەھەرنىڭ، يەنى خۇدا نازىل قىلغان يېڭى يېرۇسالېمنىڭ ئەرشتىن خۇددى ئۆز يىگىتىگە پەردازلىنىپ ھازىرلانغان قىزدەك چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. تەختتىن كۆتۈرۈلگەن جاراڭلىق بىر ئاۋازنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «مانا، خۇدانىڭ ماكانى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىدۇر، خۇدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشايدۇ، ئۇلار خۇدانىڭ خەلقى بولىدۇ. خۇدا ئۆزىمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىدۇ، ئۇ ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىكى ھەربىر تامچە ياشلىرىنى ئېرتىدۇ. ئەمدى ئۆلۈم ئەسلا بولمايدۇ، نە ماتەم، نە يىغا-زار، نە قايغۇ-ئەلەم بولمايدۇ، چۈنكى بۇرۇنقى ئالەم ئۆتۈپ كەتتى.» بۇ چاغدا، تەختتە ئولتۇرغۇچى مۇنداق دېدى: «مانا، ھەممىنى يېڭىلايمەن!» ئۇ ماڭا يەنە: «بۇلارنى خاتىرىلىۋال، چۈنكى بۇ سۆزلەر ئىشەنچلىك ۋە ھەقتۇر» دېدى. ئۇ يەنە: «تامام بولدى. باش ۋە ئاخىر، مۇقەددەم ۋە تامام ئۆزۈمدۇرمەن. ئۇسسىغانلارغا ھاياتلىق سۈيىنىڭ بۇلىقىدىن ھەقسىز سۇ بېرىمەن. غەلىبە قىلغانلار بۇلارغا مىراسخورلۇق قىلىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. ئۇلارمۇ مېنىڭ پەرزەنتلىرىم بولىدۇ. لېكىن، قورقۇنچاق، ئېتىقادسىز، چىرىك، قاتىل، زىناخور، سېھىرگەر، بۇتپەرەس ۋە يالغانچىلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ قىسمىتى گۈڭگۈرت بىلەن يانغان ئوت كۆلىدۇر. مانا بۇ ئىككىنچى ئۆلۈمدۇر.» ئاخىرقى يەتتە بالايىئاپەت بىلەن تولغان يەتتە چىنىنى تۇتقان يەتتە پەرىشتىدىن بىرى كېلىپ، ماڭا: - كەل! قوزىغا ھەمراھ بولىدىغان قىزنى ساڭا كۆرسىتىپ قوياي، - دېدى. ئاندىن، مۇقەددەس روھنىڭ مېنى ئۆز ئىلكىگە ئېلىشى بىلەن، پەرىشتە مېنى چوڭ ۋە ئېگىز بىر تاغقا ئېلىپ چىقتى. ئۇ يەردىن ماڭا ئەرشتىن خۇدا نازىل قىلغان مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېمنىڭ چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. شەھەر خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقى بىلەن تولغان بولۇپ، ئۇنىڭ جۇلاسى ئىنتايىن ئېسىل بىر گۆھەرنىڭ، يېشىل قاشتاشتەك يالتىرىغان خرۇستالنىڭ جۇلاسىغا ئوخشايتتى. شەھەرنىڭ چوڭ ھەم ئېگىز سېپىلى ۋە ئون ئىككى دەرۋازىسى بار ئىدى. ھەربىر دەرۋازىنى بىردىن پەرىشتە ساقلايتتى. ھەربىر دەرۋازىنىڭ ئۈستىگە ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىدىن بىرىنىڭ ئىسمى يېزىلغانىدى. كۈنچىقىشتا ئۈچ دەرۋازا، كۈنپېتىشتا ئۈچ دەرۋازا، كۈنگەيدە ئۈچ دەرۋازا ۋە تەسكەيدە ئۈچ دەرۋازا بار ئىدى. شەھەرنى قورشاپ تۇرغان سېپىلنىڭ ئون ئىككى ئۇل تېشى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قوزىنىڭ ئون ئىككى ئەلچىسىنىڭ ئىسىملىرى يېزىلغانىدى. ماڭا گەپ قىلغان پەرىشتىنىڭ قولىدا شەھەرنى ۋە شەھەرنىڭ دەرۋازىلىرى بىلەن سېپىلىنى ئۆلچەيدىغان بىر ئالتۇن ئۆلچىگۈچ بار ئىدى. شەھەر تۆت چاسا بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى بىلەن كەڭلىكى ئوخشاش ئىدى. پەرىشتە شەھەرنى ئۆلچىگۈچ بىلەن ئۆلچىدى. ھەربىر تەرىپى ئىككى مىڭ ئىككى يۈز چاقىرىم كەلدى. ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكى بىر-بىرىگە تەپمۇ-تەڭ ئىدى. پەرىشتە سېپىلنىمۇ ئۆلچىدى. سېپىلنىڭ قېلىنلىقى ئۇ ئىشلەتكەن ئىنسانلارنىڭ ئۆلچىگۈچى بويىچە ئاتمىش بەش مېتىر كەلدى. سېپىل يېشىل قاشتاشتىن، شەھەر ئەينەكتەك سۈزۈك ساپ ئالتۇندىن بىنا قىلىنغانىدى. شەھەر سېپىلىنىڭ ئۇلى ھەر خىل ئېسىل تاشلار بىلەن بېزەلگەنىدى. بىرىنچى ئۇل تاش يېشىل قاشتاش، ئىككىنچىسى كۆك ياقۇت، ئۈچىنچىسى ھېقىق، تۆتىنچىسى زۇمرەت، بەشىنچىسى قىزىل ھېقىق، ئالتىنچىسى قىزىل كۋارتس، يەتتىنچىسى سېرىق كۋارتس، سەككىزىنچىسى رەڭسىز ياقۇت، توققۇزىنچىسى توپاز، ئونىنچىسى يېشىل كۋارتس، ئون بىرىنچىسى سۆسۈن ياقۇت ۋە ئون ئىككىنچىسى سۆسۈن كۋارتس ئىدى. ئون ئىككى دەرۋازا ئون ئىككى مەرۋايىت ئىدى، يەنى دەرۋازىلارنىڭ ھەربىرى بىردىن مەرۋايىتتىن ياسالغانىدى. شەھەرنىڭ غول يولى ئەينەكتەك سۈزۈك ساپ ئالتۇندىن ئىدى. شەھەردە ھېچقانداق ئىبادەتخانا كۆرمىدىم، چۈنكى ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا ۋە قوزا شەھەرنىڭ ئىبادەتخانىسىدۇر. شەھەرنىڭ يورۇتۇلۇشى ئۈچۈن قۇياش ياكى ئاي ھاجەتسىز بولۇپ، ئۇنى خۇدانىڭ پارلاق نۇرى يورۇتۇپ تۇرىدۇ. قوزا ئۇنىڭ چىرىغى بولىدۇ. دۇنيادىكى خەلقلەر شەھەردىكى يورۇقلۇقتا ياشايدۇ. دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى شانۇشەۋكىتىنى ئۇ يەرگە ئېلىپ كېلىدۇ. شەھەرنىڭ دەرۋازىلىرى مەڭگۈ تاقالماي كۈن بويى ئوچۇق تۇرىدۇ، چۈنكى ئۇ يەردە زادى كېچە بولمايدۇ. ھەرقايسى خەلقلەر شانۇشەۋكىتىنى ۋە ئىززىتىنى ئۇ يەرگە ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇ يەرگە ھەرقانداق ناپاك نەرسىلەر ۋە يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىدىغان يالغانچى كىشىلەر كىرەلمەيدۇ؛ پەقەت نامى قوزىنىڭ ھاياتلىق دەپتىرىدە يېزىلغانلارلا كىرەلەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، پەرىشتە ماڭا خۇدانىڭ ۋە قوزىنىڭ تەختىد ىن باشلانغان، خرۇستالدەك سۈزۈك ھاياتلىق سۈيى ئېقىۋاتقان دەريانى كۆرسەتتى. شەھەرنىڭ غول يولىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېقىۋاتقان بۇ دەريانىڭ ئىككى تەرىپىدە ئون ئىككى قېتىم مېۋىگە كىرىدىغان، يەنى ھەر ئايدا مېۋە بېرىدىغان ھاياتلىق دەرىخى بولۇپ، دەرەخنىڭ يوپۇرماقلىرى پۈتكۈل خەلقلەرگە شىپا ئىدى. لەنەتكە ئۇچرايدىغان ئىشلار قالمايدۇ. خۇدانىڭ ۋە قوزىنىڭ تەختى شەھەرنىڭ ئىچىدە بولۇپ، خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇ يەردە ئىبادەت قىلىدۇ. ئۇلار خۇدانىڭ جامالىنى كۆرىدۇ، خۇدانىڭ نامى ئۇلارنىڭ پېشانىلىرىگە يېزىلىدۇ. ئۇ يەردە ئەسلا كېچە بولمايدۇ، نە چىراغ نۇرىغا، نە قۇياش نۇرىغا ھاجىتى چۈشمەيدۇ. چۈنكى، پەرۋەردىگار خۇدا ئۇلارنىڭ يورۇقلۇقى بولۇپ، ئۇلار ئەبەدىلئەبەد ھۆكۈم سۈرىدۇ. پەرىشتە ماڭا: - بۇ سۆزلەر ئىشەنچلىك ۋە ھەقتۇر. پەيغەمبەرلەرنىڭ روھىغا ئىلھام بەرگەن پەرۋەردىگار خۇدا يېقىن كەلگۈسىدە يۈز بېرىشى مۇقەررەر بولغان ۋەقەلەرنى ئۆز خىزمەتكارلىرىغا كۆرسىتىش ئۈچۈن، پەرىشتىسىنى ئەۋەتتى، - دېدى. ئەيسا مەسىھ مۇنداق دېدى: «مانا، پات يېقىندا كېلىمەن! بۇ كىتابتىكى بېشارەتلىك سۆزلەرگە ئەمەل قىلغانلار نەقەدەر بەختلىك!» بۇلارنى ئاڭلىغۇچى ۋە كۆرگۈچى مەن يۇھاننامەن. بۇ ئىشلارنى ئاڭلىغىنىمدا ۋە كۆرگىنىمدە، بۇلارنى ماڭا كۆرسەتكەن پەرىشتىگە سەجدە قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئايىغىغا باش قويدۇم. لېكىن، ئۇ ماڭا: - ھەرگىز ئۇنداق قىلما! مەن ساڭا، پەيغەمبەر بولغان سېنىڭ قېرىنداشلىرىڭغا ھەم بۇ كىتابتىكى سۆزلەرگە ئەمەل قىلغانلارغا ئوخشاش خۇدانىڭ خىزمەتكارىمەن. خۇداغىلا ئىبادەت قىل! - دېدى. ئۇ ماڭا يەنە: - بۇ كىتابتىكى بېشارەتلىك سۆزلەرنى پېچەتلەپ مەخپىي تۇتما، چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغان ۋاقتى يېقىندۇر. يامانلىق قىلغۇچىلار يامانلىقىنى قىلىۋەرسۇن، پەسكەشلەر پەسكەشلىكىنى داۋاملاشتۇرۇۋەرسۇن، ھەققانىيلار ھەققانىيلىقىنى داۋاملاشتۇرۇۋەرسۇن، خۇداغا ئاتىلىپ پاك بولغانلار پاكلىقتا ياشاۋەرسۇن، - دېدى ئەيسا مەسىھ مۇنداق دېدى: «مانا، پات يېقىندا كېلىمەن! ھەركىمنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ، بېرىدىغىنىمنى ئۆزۈم بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىمەن. باش ۋە ئاخىر، تۇنجى ۋە ئاخىرقى، مۇقەددەم ۋە تامام مەن بولىمەن.» ھاياتلىق دەرىخىنىڭ مېۋىلىرىدىن بەھرىمەن بولۇش ۋە شەھەر دەرۋازىلىرىدىن كىرىش ھوقۇقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تونلىرىنى يۇيۇپ تازىلىغانلار نەقەدەر بەختلىك! پەسكەشلەر، سېھىرگەرلەر، زىناخورلار، قاتىللار، بۇتپەرەسلەر، يالغانچىلار ۋە يالغانچىلىق قىلىشقا خۇشتارلارنىڭ ھەممىسى شەھەرنىڭ سىرتىدا قالىدۇ. «مەنكى ئەيسا مەسىھ ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرىگە بۇ ئىشلارنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن، پەرىشتەمنى ئەۋەتتىم. داۋۇتنىڭ نوتىسى ھەم ئەۋلادى مەن بولىمەن. پارلاق تاڭ يۇلتۇزى مەن بولىمەن.» مۇقەددەس روھ ۋە تويى بولىدىغان قىز: «كەل!» دېدى. ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسىمۇ: «كەل!» دېسۇن. ئۇسسىغان كەلسۇن، خالىغان كىشى ھاياتلىق سۈيىدىن ھەقسىز ئىچسۇن. مەنكى يۇھاننا بۇ كىتابتىكى بېشارەتلىك سۆزلەرنى ئاڭلىغانلارنى جىددىي ئاگاھلاندۇرىمەنكى: كىمدەكىم بۇ سۆزلەرگە بىر نەرسە قوشسا، خۇدا ئۇنىڭغا بۇ كىتابتا يېزىلغان بالايىئاپەتلەرنى كەلتۈرىدۇ. كىمدەكىم بۇ بېشارەتلىك كىتابتىكى بىرەر سۆزنى چىقىرىۋەتسە، خۇدامۇ ئۇنى بۇ كىتابتا يېزىلغان ھاياتلىق دەرىخىدىن ۋە مۇقەددەس شەھەردىن بېرىلىدىغان نېسىۋىسىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. مانا بۇلارغا گۇۋاھلىق بەرگۈچى ئەيسا مەسىھ مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداق، پات يېقىندا كېلىمەن!»«ئامىن! كەل، يا رەببىم ئەيسا!» رەببىمىز ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتى خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى بىلەن بىللە بولغاي، ئامىن!