# Trilium Notes

\

\
[](https://hosted.weblate.org/engage/trilium/)
[Arabic](./README-ar.md) | [Chinese (Simplified Han script)](./README-ZH_CN.md)
| [Chinese (Traditional Han script)](./README-ZH_TW.md) |
[Czech](./README-cs.md) | [English (United Kingdom)](./README-en_GB.md) |
[English](../README.md) | [French](./README-fr.md) | [German](./README-de.md) |
[Greek](./README-el.md) | [Indonesian](./README-id.md) | [Irish](./README-ga.md)
| [Italian](./README-it.md) | [Japanese](./README-ja.md) |
[Korean](./README-ko.md) | [Polish](./README-pl.md) | [Romanian](./README-ro.md)
| [Russian](./README-ru.md) | [Spanish](./README-es.md) |
[Ukrainian](./README-uk.md) | [Urdu](./README-ur.md) | [Uyghur](./README-ug.md)
Trilium Notes بولسا ھەقسىز، ئوچۇق كودلۇق، سىستېما ھالقىغان، قاتلاملىق خاتىرە
قالدۇرۇش ئەپى بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى چوڭ تىپتىكى شەخسىي بىلىم ئامبىرى قۇرۇشقا
ئەھمىيەت بېرىدۇ.
## چۈشۈرۈش⏬
- [ئەڭ يېڭى نۇسخىسى](https://github.com/TriliumNext/Trilium/releases/latest) –
مۇقىم نۇسخا، كۆپ ساندىكى ئابونتلارنىڭ ئىشلىتىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
- [كۈندىلىك
قۇرۇلما](https://github.com/TriliumNext/Trilium/releases/tag/nightly) – مۇقىم
بولمىغان ئېچىش نۇسخىسى، ھەر كۈنى يېڭىلىنىدۇ، ئەڭ يېڭى ئىقتىدارلار ۋە
تۈزىتىشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
## ھۆججەتلەر📚
**بىزنىڭ تولۇق قوللانمىمىزنى كۆرۈڭ:
docs.triliumnotes.org](https://docs.triliumnotes.org/)**
بىزنىڭ قوللانمىمىزنىڭ بىر قانچە خىل شەكىلدىكى نۇسخىلىرى بار:
- **تور قوللانمىسى**:بىزنىڭ تولۇق قوللانمىمىزنى مۇشۇ شەكىلدە كۆرۈڭ:
[docs.triliumnotes.org](https://docs.triliumnotes.org/)
- **پروگرامما ئىچىدىكى ياردەم**: Trilium دا` F1` نى باسسىڭىزلا، پروگرامما ئىچىدە
ئوخشاش بىر قوللانمىنى بىۋاسىتە كۆرەلەيسىز
- **GitHub**:بۇ ئامباردىكى [ئابونت قوللانمىسىنى](./User%20Guide/User%20Guide/)
كۆرۈڭ
### تېز ئۇلانمىلار
- [ئابونت چۈشەندۈرۈشى](https://docs.triliumnotes.org/)
- [قاچىلاش چۈشەندۈرۈشى](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/setup)
- [Docker
تەڭشەكلىرى](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/setup/server/installation/docker)
- [TriliumNext نى دەرىجىسىنى
ئۆستۈرۈش](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/setup/upgrading)
- [ئاساسىي ئۇقۇملار ۋە
ئالاھىدىلىكلەر](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/concepts/notes)
- [شەخسىي بىلىم ئامبىرى
ئەندىزىسى](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/misc/patterns-of-personal-knowledge)
## 🎁 ئىقتىدارلار
* خاتىرىلەرنى ھەر قانداق چوڭقۇرلۇقتىكى دەرەخسىمان قۇرۇلمىغا تەشكىللەشكە بولىدۇ.
بىرلا خاتىرىنى دەرەخنىڭ كۆپلىگەن ئورنىغا قويۇشقا بولىدۇ ([خاتىرىنى
كۆپەيتىش/كلونلاش](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/concepts/notes/cloning)
غا قاراڭ)
* تۆت تەرەپتىن كۆرۈنىدىغان (WYSIWYG) بېيىتىلغان خاتىرە تەھرىرلىگۈچ، جەدۋەل،
رەسىم ۋە [ماتېماتىكىلىق
فورمۇلا](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/note-types/text)نى قوللايدۇ،
ھەمدە Markdown نىڭ [ئاپتوماتىك
فورماتى](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/note-types/text/markdown-formatting)غا
ئىگە
* [پروگرامما كودى
خاتىرىسى](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/note-types/code)نى
تەھرىرلەشنى قوللايدۇ، كود نۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ
* خاتىرىلەر ئارىسىدا تېز ۋە ئوڭاي
[يېتەكلەش](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/concepts/navigation/note-navigation)،
پۈتۈن تېكىستلىك ئىزدەش، ھەمدە [خاتىرىگە فوكۇسلىنىش
(hoisting)](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/concepts/navigation/note-hoisting)
* ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان [خاتىرە نۇسخىسىنى
باشقۇرۇش](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/concepts/notes/note-revisions)
* خاتىرە
[خاسلىقى](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/advanced-usage/attributes)
خاتىرىلەرنى تەشكىللەش، سۈرۈشتۈرۈش ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك
[script](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/scripts)لەرگە ئىشلىتىلىدۇ
* UI ئىنگلىزچە، گېرمانچە، ئىسپانچە، فىرانسۇزچە، رۇمىنىيەچە ۋە خەنزۇچە تىللىرىدا
تەمىنلىنىدۇ
* تېخىمۇ بىخەتەر كىرىش ئۈچۈن [OpenID ۋە
TOTP](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/setup/server/mfa) بىۋاسىتە بىر
گەۋدىلەشتۈرۈلگەن
* ئۆزى قۇرغان ماسقەدەملەش مۇلازىمىتىرى بىلەن
[ماسقەدەملەش](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/setup/synchronization)
* [ماسقەدەملەش مۇلازىمىتىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۈچىنچى تەرەپ
مۇلازىمىتى](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/setup/server/cloud-hosting)
بار
* خاتىرىنى ئىنتېرنېت تورىغا
[ھەمبەھرىلەش](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/advanced-usage/sharing)
(ئاشكارە ئېلان قىلىش
* ھەر بىر خاتىرە بىرلىك قىلىنغان كۈچلۈك [خاتىرە
شىفىرلاش](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/concepts/notes/protected-notes)
* قولدا سىزىلغان/ئىزاھلىق رەسىم: [Excalidraw](https://excalidraw.com/) غا
ئاساسلانغان (خاتىرە تىپى «canvas»)
* خاتىرە ۋە ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان [مۇناسىۋەت
خەرىتىسى](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/note-types/relation-map) ۋە
[خاتىرە/ئۇلانما
خەرىتىسى](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/note-types/note-map)
* تەپەككۇر خەرىتىسى: [Mind Elixir](https://docs.mind-elixir.com/) غا ئاساسلانغان
* ئورۇن بەلگىلەش بەلگىسى ۋە GPX يۆنىلىش لىنىيىسى بولغان [جۇغراپىيىلىك
خەرىتە](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/collections/geomap)
* [Script](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/scripts) - [ئىلغار
كۆرسىتىش](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/advanced-usage/advanced-showcases)گە
قاراڭ
* ئاپتوماتلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان [REST
API](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/advanced-usage/etapi)
* ئىشلىتىشچانلىقى ۋە ئۈنۈمى جەھەتتە ياخشى كېڭىيىشچانلىققا ئىگە، 100,000 دىن
ئارتۇق خاتىرىنى قوللايدۇ
* يانفون ۋە تاختا كومپيۇتېر ئۈچۈن ئەلالاشتۇرۇلغان [كۆچمە
تەرەپ](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/setup/mobile-frontend)
* ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان [قېنىق رەڭلىك
تېما](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/concepts/themes)
* [Evernote دىن
ئەكىرىش](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/concepts/import-export/evernote)
ۋە [Markdown نى ئەكىرىش ھەم
چىقىرىش](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/concepts/import-export/markdown)
* توردىكى مەزمۇنلارنى تېز ساقلاشقا ئىشلىتىلىدىغان [Web
Clipper](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/setup/web-clipper)
* ئىختىيارىي تەڭشىگىلى بولىدىغان UI (يان تىزىملىك كۇنۇپكىلىرى، ئىشلەتكۈچى ئۆزى
بەلگىلىگەن كىچىك قوراللار قاتارلىقلار)
* [Metrics ](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/advanced-usage/metrics)،
شۇنداقلا Grafana كۆرسىتىش تاختىسى.
✨ تېخىمۇ كۆپ TriliumNext تېمىلىرى، قوليازما، قىستۇرما ۋە مەنبەلەرگە ئېرىشمەكچى
بولسىڭىز، تۆۋەندىكى ئۈچىنچى تەرەپ مەنبەلىرى ياكى جەمئىيەتلىرىدىن پايدىلانسىڭىز
بولىدۇ:
- [awesome-trilium](https://github.com/Nriver/awesome-trilium) (ئۈچىنچى تەرەپ
تېمىلىرى، قوليازمىلار، قىستۇرمىلار ۋە باشقىلار).
- [TriliumRocks!](https://trilium.rocks/) (دەرسلىكلەر، يېتەكچىلەر ۋە باشقىلار).
## ⚠️ نېمە ئۈچۈن TriliumNext نى تاللايمىز؟
Trilium نىڭ ئەسلى ئىجادچىسى ([Zadam](https://github.com/zadam)) سېخىيلىق بىلەن
Trilium كود ئامبىرىنى جەمئىيەت تۈرىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى، بۇ تۈر ھازىر مۇشۇ ئادرېستا
ساقلىنىۋاتىدۇ: https://github.com/TriliumNext
### ⬆️ Trilium دىن كۆچۈرۈش؟
zadam/Trilium نۇسخىسىدىن TriliumNext/Notes غا كۆچۈش ئۈچۈن ئالاھىدە كۆچۈرۈش
باسقۇچلىرى كېرەك ئەمەس. [TriliumNext/Notes نى ئادەتتىكى ئۇسۇلدا
قاچىلىسىڭىزلا](#-installation)(#-install)، ئۇ بىۋاسىتە ھازىرقى ساندانىڭىزنى
ئىشلىتىدۇ.
[v0.90.4](https://github.com/TriliumNext/Trilium/releases/tag/v0.90.4) غىچە
بولغان نەشرلىرى zadam/trilium نىڭ ئەڭ يېڭى
[v0.63.7](https://github.com/zadam/trilium/releases/tag/v0.63.7) نەشرى بىلەن
ماسلىشىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى TriliumNext نەشرلىرىدە ماسقەدەملەش نەشر نومۇرى
ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، يۇقىرىقىلار بىلەن ماسلاشمايدۇ.
## 💬 بىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇڭ
رەسمىي جەمئىيىتىمىزگە كەلگەنلىكىڭىزنى قارشى ئالىمىز. بىز سىزنىڭ ئىقتىدار، تەكلىپ
ياكى مەسىلىلەر ھەققىدىكى پىكىرلىرىڭىزنى ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلىمىز!
- [Matrix](https://matrix.to/#/#triliumnext:matrix.org) (ماسقەدەملىك مۇنازىرە)
- `General `Matrix ئۆيىمۇ [XMPP](xmpp:discuss@trilium.thisgreat.party?join) غا
ئۇلانغان
- [GitHub Discussions](https://github.com/TriliumNext/Trilium/discussions)
(ئاسىنكرون مۇنازىرە.)
- [GitHub Issues](https://github.com/TriliumNext/Trilium/issues) (خاتالىق مەلۇم
قىلىش ۋە ئىقتىدار ئېھتىياجىنى ئوتتۇرىغا قويۇش.)
## 🏗 قاچىلاش
### Windows / MacOS
[ئەڭ يېڭى نەشرى بېتى](https://github.com/TriliumNext/Trilium/releases/latest)دىن
سۇپىڭىزغا ماس كېلىدىغان سىستېما ھۆججىتىنى چۈشۈرۈڭ، پرېستىن يەشكەندىن كېيىن
`trilium` ئىجرا ھۆججىتىنى قوزغىتىڭ.
### Linux
ئەگەر سىز ئىشلىتىۋاتقان نەشرى تۆۋەندىكى جەدۋەلدە بولسا، شۇ نەشرىنىڭ يۇمشاق دېتال
بوغچىسىنى ئىشلىتىڭ.
[](https://repology.org/project/trilium/versions)
سىز يەنە [ئەڭ يېڭى ئېلان قىلىنغان
بەت](https://github.com/TriliumNext/Trilium/releases/latest)تىن مۇناسىپ سۇپىنىڭ
سىستېما ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ، پرېستىن يېشىپ بولغاندىن كېيىن `trilium` ئىجرا
ھۆججىتىنى قوزغاتسىڭىز بولىدۇ.
TriliumNext يەنە Flatpak نۇسخىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئەمما تېخى FlatHub غا
چىقىرىلمىدى.
### Browser (ھەرقانداق مەشغۇلات سىستېمىسى)
ئەگەر سىزدە (تۆۋەندىكىدەك) مۇلازىمىتىر قاچىلانمىسى بولسا، تور كۆرۈنمە يۈزىنى
بىۋاسىتە ساقىلالايسىز (ئۇ بىر تەرەپ قىلغۇچ دېتالى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش).
نۆۋەتتە پەقەت Chrome ۋە Firefox نىڭ ئەڭ يېڭى نەشرىنىلا قوللايدۇ (ھەمدە ئەمەلىي
سىناقتىن ئۆتكەن).
### كۆچمە ئۈسكۈنە
ئەگەر كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە TriliumNext نى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، كۆچمە كۆرگۈچ
ئارقىلىق مۇلازىمىتىرغا قاچىلانغان كۆچمە نۇسخا كۆرۈنمە يۈزىنى زىيارەت قىلالايسىز
(تۆۋەنگە قاراڭ).
كۆچمە دېتال قوللاشقا ئائىت تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلار ئۈچۈن،
https://github.com/TriliumNext/Trilium/issues/4962 مەسىلە بېتىگە قاراڭ.
#### TriliumDroid
ئەگەر سىز ئەسلى Android دېتالىنى ئىشلىتىشكە ئامراق بولسىڭىز،
[TriliumDroid](https://apt.izzysoft.de/fdroid/index/apk/eu.fliegendewurst.triliumdroid)
نى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. مەسىلە ياكى كەم بولغان ئىقتىدارلارنى مەلۇم قىلماقچى
بولسىڭىز، [ئۇنىڭ ئامبىرى](https://github.com/FliegendeWurst/TriliumDroid) غا
مەرھەمەت.
#### Pocket Trilium
If you want a full-featured native Android app, check out [Pocket
Trilium](https://github.com/Nriver/pocket-trilium). It runs a complete Trilium
instance on your phone, supports full offline use, and allows you to sync with
your server.
#### Trinote
If you want a native iOS app, you can use
[Trinote](https://apps.apple.com/us/app/trinote/id6761228249), an open-source
client for your self-hosted Trilium / TriliumNext server. It lets you browse and
organize your note tree, search for notes on the server, read and edit all note
types (text, code, mindmap, spreadsheet, geomap, canvas, etc.), and keeps notes
available and editable offline. Here's the
[repo](https://github.com/StephenArg/Trinote) if you're interested in
contributing and here's the [discord](https://discord.com/invite/ghjJG56EUS)
server if you have any feedback or suggestions you want to discuss.
### Server
ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ مۇلازىمىتىرىغا TriliumNext نى قاچىلىماقچى بولسىڭىز ([Docker
Hub](https://hub.docker.com/r/triliumnext/trilium) دىن Docker ئارقىلىق
ئورۇنلاشتۇرۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، [مۇلازىمىتىر قاچىلاش
ھۆججىتى](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/setup/server) گە ئەمەل قىلىڭ.
## 💻 تۆھپە قوشۇش
### تەرجىمە
ئەگەر سىز شۇ تىلنىڭ ئىگىسى بولسىڭىز، بىزنىڭ [Weblate
بېتىمىز](https://hosted.weblate.org/engage/trilium/)گە كىرىپ Trilium نىڭ تەرجىمە
قىلىنىشىغا ياردەم بېرىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
تۆۋەندىكىسى نۆۋەتتىكى تىللارنىڭ قاپلىنىش ئەھۋالى:
[](https://hosted.weblate.org/engage/trilium/)
### پروگرامما كودى
ئامبارنى چۈشۈرۈڭ، `pnpm` ئارقىلىق بېقىندى زاپچاسلارنى قاچىلاڭ، ئاندىن
مۇلازىمىتىرنى قوزغىتىڭ (مۇلازىمەت ئادرېسى: http://localhost:8080):
```shell
git clone https://github.com/TriliumNext/Trilium.git
cd Trilium
pnpm install
pnpm run server:start
```
### ھۆججەت
ئامبارنى چۈشۈرۈڭ، `pnpm` ئارقىلىق بېقىندى زاپچاسلارنى قاچىلاڭ، ئاندىن ھۆججەت
تەھرىرلەشكە ئېھتىياجلىق مۇھىتنى قوزغىتىڭ:
```shell
git clone https://github.com/TriliumNext/Trilium.git
cd Trilium
pnpm install
pnpm edit-docs:edit-docs
```
Alternatively, if you have Nix installed:
```shell
# Run directly
nix run .#edit-docs
# Or install to your profile
nix profile install .#edit-docs
trilium-edit-docs
```
### ئىجرا قىلىنىدىغان ھۆججەتنى قۇرۇش
ئامبارنى چۈشۈرۈڭ، `pnpm` ئارقىلىق بېقىندى زاپچاسلارنى قاچىلاڭ، ئاندىن Windows
ئۈچۈن ئۈستەلئۈستى ئەپىنى قۇرۇپ چىقىڭ:
```shell
git clone https://github.com/TriliumNext/Trilium.git
cd Trilium
pnpm install
pnpm run --filter desktop electron-forge:make --arch=x64 --platform=win32
```
تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلار ئۈچۈن [تەتقىقات
ھۆججەت](https://github.com/TriliumNext/Trilium/tree/main/docs/Developer%20Guide/Developer%20Guide)گە
قاراڭ.
### تەتقىقاتچى ھۆججەتلىرى
تەپسىلاتلار ئۈچۈن [ھۆججەت
يېتەكچىسى](https://github.com/TriliumNext/Trilium/blob/main/docs/Developer%20Guide/Developer%20Guide/Environment%20Setup.md)گە
قاراڭ. ئەگەر تېخىمۇ كۆپ سوئاللىرىڭىز بولسا، ئۈستىدىكى "بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ"
بۆلىكىدە تەمىنلەنگەن ئۇلىنىشلار ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭنى قارشى ئالىمىز.
## 💖 Sponsors
![]() NetPerfect EV certificate & Windows CI |
CKEditor Premium editor features |
Dosu Automated GitHub support |